Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

قاراخانىلار

ھاجى نۇرھاجى — قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (تولۇق كىتاب نۇسخىسى)

كىتاب ۋە ئاپتور ھەققىدە

بۆلۈم: “كىتاب ۋە ئاپتور ھەققىدە”

«قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق بۇ ئىلمىي ئەسەر تونۇلغان تارىخ تەتقىقاتچىسى ھاجى نۇرھاجى تەرىپىدىن مۆتىۋەر يازما مەنبەلەر، تاش پۈتۈكلەر، ئارخىئولوگىيىلىك تېپىلمىلار ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا يېزىلغان قىممەتلىك ئەسەردۇر.

قاراخانىلار خانلىقى مەملىكىتىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مىلادى 9-ئەسىردىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە 4 ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ئۇلۇغ تۈرك-ئىسلام دۆلىتى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشىغا، شەھەر مەدەنىيىتى، سەنئەت، تىل ۋە ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سالغان. مەشھۇر مۇتەپەككۇر يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»، بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» قاتارلىق دۇنياۋى نادىر دۇردانىلىرى دەل مۇشۇ دەۋرنىڭ تەڭداشسىز مېۋىلىرىدۇر.


Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.