Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

كىتاب ۋە ئاپتور ھەققىدە

This content is not yet available in your language.

«قىرىق ھەدىس» (الأربعون النووية) ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ كۆپ ئوقۇلىدىغان ۋە يادلىنىدىغان ھەدىس كىتابلىرىدىن بىرىدۇر. بۈيۈك مۇھەددىس ۋە فەقىھ ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئەسىرىگە ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلى، ئېتىقاد ۋە ئەخلاقنىڭ ئاساسى بولغان 42 ھەدىسنى جەملىگەن.

بۇ ئەسەردە ئىلىم، ھىدايەت ۋە نۇر بار. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىسقا، ئەمما مەنە جەھەتتىن چەكسىز چوڭقۇر بولغان ھەدىس شەرىپلىرى سەلەپ ئەقىدىسىدىكى مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھلىرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.

  • مۇئەللىپ: ئىمام ئەبۇ زەكەرىييا يەھيا ئىبنى شەرەف نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ (ھ. 631 – 676 / م. 1233 – 1278)
  • تەرجىمان: قۇدرەت بارات (فۇرقان دەۋەت مەركىزى، 2020-يىل، 4-ئاي / ھ. 1441)
  • مەنبە: مۇجتەھىد تورى
  • ھەدىسلەر سانى: 42 ھەدىس (ئەرەبچە تېكىست، ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھلىرى)

شەرھلىگۈچى ئالىملار

بۆلۈم: “شەرھلىگۈچى ئالىملار”

مەزكۇر نەشردە ھەر بىر ھەدىسنىڭ شەرھلىرى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە بايانلىرىدىن خۇلاسىلەپ بېرىلگەن:

  1. ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى رەھىمەھۇللاھ: «فەتھۇلبارى بشرح صحيح البخاري» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ساھىبى.
  2. فەقىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: زامانىمىزنىڭ بۈيۈك پېشىۋاسى، چوڭ فەقىھ ۋە مۇپەسسىر.
  3. شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك: زامانىمىزدىكى مۆتىۋەر ھەرەم ئالىملىرىدىن بىرى، ھەدىس ۋە ئەقىدە ئۇستازى.
  4. شەيخ سالىھ فەۋزان: سەئۇدى ئەرەبىستان چوڭ ئۆلىمالار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، مەشھۇر ئىسلام ئالىمى.

تەرجىماننىڭ كىرىش سۆزىدىن

بۆلۈم: “تەرجىماننىڭ كىرىش سۆزىدىن”

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. بىزنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرۈپ، تەقۋادارلارغا ئاخىرەتتە جەننەت نېمىتىنى تەييارلىغۇچى، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچى، مۆمىن بەندىلىرىگە چەكسىز مۇلايىملىق قىلىپ، ئۇلارنى ئاسراپ، يامانلىقلاردىن قوغدىغۇچى ئۇلۇغ رەببىمىز، پۈتكۈل كائىناتنىڭ پادىشاھى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. ئاخىر زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار ياغسۇن.

بۇ كىتابتا ئىلىم، ھىدايەت ۋە نۇر بار. كىتابتىكى ھەدىسلەر ساپ ئۇيغۇر تىلىدا، چۈشىنىشلىك ۋە ئەسلىگە سادىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان كىشى ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن، نۇر ۋە ھىدايىتىدىن قەلبى ئارام تېپىپ، كۆپلىگەن زۆرۈر مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.