4-قىسىم: ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
This content is not yet available in your language.
ھەزرىتى ئەلى (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەلى (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)”ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھاياتى
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھاياتى”مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى، كۈيئوغلى (قىزى فاتىمەنىڭ يولدىشى)، تۆت چوڭ خەلىپىنىڭ تۆتىنچىسى، ئىسلامنى تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلغانلاردىن ۋە دۇنيادا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون چوڭ ساھابىنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇ ھىجرەتتىن 23 يىل بۇرۇن تۇغۇلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن 30 ياش كىچىك ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئىبنى ھاشىم ئىبنى ئابدىمەننافتۇر. ئۇ، «ئەبۇ تالىپ» تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز تاغىسى بولۇپ، قۇرەيشلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى مەككە مۇشرىكلىرىدىن كۆپ قوغدىغان بولسىمۇ، ئۆزىمۇ ئىمان ئېيتمىدى ۋە كاپىر پېتى ئۆلۈپ كەتتى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئانىسى ئەسەد ئىبنى ھاشىم ئىبنى ئابدىمەننافنىڭ قىزى فاتىمە بولۇپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانىدى.
ھەزرىتى ئەلى ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغانىدى. چۈنكى دادىسى ئەبۇ تالىپنىڭ ھال ـ ئەھۋالى ناچار بولغاننىڭ ئۈستىگە، بالا ـ چاقىسى كۆپ ئىدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا تاغىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولدى ۋە ئۇنى يوقلاپ بېرىپ، بەزى بالىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ بېقىپ چوڭ قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئەبۇ تالىپ ئۇلارغا: «بالىلىرىمدىن خالىغىنىنى ئېلىڭلار، ئەمما ئۇقەيلنى ماڭا قويۇڭلار!» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەلىنى، ھەزرىتى ئابباس جافەرنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىرىنى ئۆز ئۈستىلىرىگە ئالدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ۋەھيى چۈشكەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا ئۈندىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلىمۇ بار ئىدى. ئۇمۇ باشقىلىرىغا ئوخشاش دەرھال ئىمان ئېيتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇ تېخى ئون ياشقىمۇ كىرمىگەنىدى. ھەزرىتى ئەلى ئىسلامنى قوبۇل قىلغان تۇنجى بالا مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇتقا پەقەتلا چوقۇنمىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئىسلام تەربىيىسىدە چوڭ بولدى.
ھەزرىتى ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلغان كېچىسى سۇيىقەستچىلەرنى ئالدام خالتىغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە، شۇنچە چوڭ خەتەرگە قارىماي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆشىكىگە كىرىپ ياتقانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ زىممىسىدە بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئامانىتى قالغانىدى، ئۇ مەككىدە قېلىپ، ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن، مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى.
كۆپ ئۆتمەي، مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇشلار باشلىدى، ھەزرىتى ئەلى بۇ جەڭلەرنىڭ ئەڭ چوڭ قەھرىمانىغا ئايلاندى. ئۇ ئىسلام قوشۇنلىرى سېپىدا دۈشمەنگە قارشى باتۇرلارچە جەڭ قىلاتتى ۋە دۈشمەنلەرگە پەقەتلا ئارام بەرمەيتتى. مەسىلەن، ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى يۈز بەرگەن بەدرى جېڭىدا ئۇ يەكمۇ يەك ئېلىشىپ، قۇرەيش پالۋانلىرىدىن ۋەلىد ئىبنى ئۇتبەنى ئۆلتۈردى، ئارقىدىن تاغىسى ھەمزەگە ياردەملىشىپ، ۋەلىدنىڭ دادىسى ئۇتبەنىمۇ يەرگە يىقىتتى.
ھەزرىتى ئەلى بەدرى جېڭىدىن كېيىن ھەزرىتى فاتىمەگە ئۆيلەندى. ئۇنىڭ ئۇھۇد جېڭىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى بەدرى جېڭىدىكىدىن قالمايتتى. ھەر ئىككى جەڭگە تاغىسى ھەمزە بىلەن بىللە قاتناشتى، ئۇ ئىككىسى جەڭ مەيدانىنىڭ ئەڭ كۈچتۈڭگۈر پالۋانلىرى ئىدى.
بولۇپمۇ ھەزرىتى ئەلى جەڭ قەيەردە قىزىپ كەتسە، دەرھال شۇ يەردە پەيدا بولاتتى. دۈشمەنلەر ئەتراپىنى قورشىۋالسىمۇ، يەنە بىردەمدىلا تىرىپىرەن بولۇشۇپ كېتەتتى. چۈنكى ھەزرىتى ئەلى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قاچقانلىرىنىڭ كەينىدىن ئۆزى قوغلاپ كېتەتتى.
شۇنداقلا، «خەندەك ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان، مەدىنىنى مۇشرىكلارنىڭ قورشاۋىدىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدا ھەزرىتى ئەلى دۈشمەنلەرگە قارشى پۈتۈن جان ـ جەھلى بىلەن مۇداپىئەدە تۇردى. جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ مەشھۇر پالۋانلىرىدىن بىرى بولغان ئامىر ئىبنى ۋۇدۇل ئامىرى قاتارلىق بەزى مۇشرىكلار خەندەكتىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىرىشگە ئۇرۇنغان ۋاقىتتا، توخۇ يۈرەك پالۋانلار ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئەمما ھەزرىتى ئەلى دەرھال سەكرەپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان قاتتىق ئېلىشتى ۋە كاللىسىنى ئېلىپ تاشلىدى. مۇسۇلمانلار بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن تەكبىر ئېيتىشقا باشلىدى، ئۇلاردىن خېلى يىراق بىر يەردە تۇرغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۇ ئازغۇننى يەڭگەنلىكىنى چۈشەندى ۋە بەكمۇ سۆيۈنۈپ كەتتى.
ھەزرىتى ئەلى مەككە فەتھىنىڭ ھارپىسىدا يۈز بەرگەن «رىزۋان بەيئىتى» دىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدى. خەيبەر جېڭىدا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇغى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. ئىسلام قوشۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوماندانلىقىدا تەبۇكقا يۈرۈش قىلغاندا، ئۇ مەدىنىگە ئەمىر بولۇپ قېلىپ قالدى. ھىجرەتنىڭ توققۇزىنچى يىلى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھەج ئۆمىكىنى باشلاپ مەدىنىدىن يولغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن بەرائات سۈرىسى نازىل قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۈرىنى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ھەزرىتى ئەلىگە تاپشۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان چېغىدا ئۇنىڭغا بولغان رازىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. كېسەل تارتىپ قالغان ۋاقىتلاردا ھەزرىتى ئەلىگە يۆلىنىپ مەسجىدكە چىقاتتى. ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يۇيۇش ۋە دەپنە قىلىش ئىشلىرىنى ھەزرىتى ئەلى ئۆزى بىر تەرەپ قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى خەلىپىلىككە تەيىنلىدى. ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ بەيئەت قىلغانلاردىن بىرى ھەزرىتى ئەلى ئىدى. ئەمما ئۇ شۇ كۈنلەردە ھەزرىتى فاتىمەنىڭ (دادىسىنىڭ ۋاپاتى سەۋەبىدىن) كېسىلى بىلەن ئاۋارە ئىدى. شۇڭا ئۇ پەقەت جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ئۈچۈنلا سىرتقا چىقاتتى ۋە نامازدىن كېيىن دەرھال ئۆيىگە قايتاتتى. ھەزرىتى فاتىمە شۇ كېسەل بولغىنىچە، دادىسى (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) نىڭ ۋاپاتىدىن ئالتە ئاي كېيىن بۇ دۇنياغا كۆزلىرىنى يۇمدى. بۇ جەرياندا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى پات ـ پات كېلىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇراتتى ۋە بەزى ئىشلاردا ھەزرىتى ئەلى بىلەن مەسلىھەتلىشەتتى.
ھەزرىتى ئەلى ھەر دائىم ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ يېنىدا بولدى. بولۇپمۇ مۇرتەدلەر، زاكات بېرىشنى خالىمىغانلار ۋە مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغانلار چىقارغان قالايمىقانچىلىقلاردا ئۇ ھەمىشە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى قوللاپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرىمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولغان ھالدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى.
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۆز ئورنىغا ھەزرىتى ئۆمەرنى خەلىپە قىلىپ تەيىنلىمەكچى بولغاندا: «ئۇنىڭدىن باشقىسىنى خالىمايمىز!» دەپ ۋارقىرىغىنىمۇ ھەزرىتى ئەلى ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئۆمەرگىمۇ ھەر دائىم يار ـ يۆلەك بولدى، ئىشلىرىغا ياردەملەشتى ۋە ئۇنىڭ قازىلىقىنى قىلدى.
ھەزرىتى ئۆمەر دائىما: «ئەبۇ ھەسەن (ھەسەننىڭ دادىسى) مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى قازىدۇر» دەپ ئۇنى ماختايتتى ۋە مەدىنىدىن سىرتقا چىقسىلا، ئۇنى ئۆز ئورنىغا نائىب قىلىپ قوياتتى. ھەردائىم ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالاتتى. كېيىنچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. ھەزرىتى ئەلى قىزى ئۇممۇ گۈلسۈمنى ھەزرىتى ئۆمەرگە ئۆيلەندۈرۈپ قويغانىدى. ھەزرىتى ئۆمەر سۇيىقەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن بىر نەچچە ساھابىنى چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەت بىلەن ئۆز ئارىلىرىدىن بىرىنى خەلىپىلىككە تەيىنلىشىنى تاپشۇردى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەزرىتى ئەلىمۇ بار ئىدى. ھەتتا ھەزرىتى ئۆمەر: «ئەگەر ئۇلار شۇ پاينەكۋاشنى تاللىسا، بەكمۇ ياخشى بولاتتى. چۈنكى ئۇ خەلقنىڭ ئىشىنى يولىدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىرى ئىدى» دەپ ھەزرىتى ئەلى ھەققىدىكى مەمنۇنىيىتى ۋە ئارزۇسىنى تىلغا ئالغانىدى. بىر ئىشقا قارار بېرىشتە، توغرا مۇئامىلە قىلىشتا، ئوي ـ پىكىرلىرىدە ۋە اﷲ نىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىش يولىدا ھېچكىمنىڭ گەپ ـ سۆزىگە پەرۋا قىلماسلىقتا ھەزرىتى ئۆمەرگە ئەڭ ئوخشايدىغىنى ھەزرىتى ئەلى ئىدى.
ھەزرىتى ئۆمەردىن كېيىن ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە تەيىنلەندى. ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭغا دەرھال بەيئەت قىلدى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى بولدى. ھەزرىتى ئوسمانمۇ ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىش قىلاتتى. ئاسىيلار ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆيىنى قورشاۋغا ئالغان ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەلى ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئوسمان تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. دەرۋەقە، قورشاۋ جەريانىدا ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى كېچە ـ كۈندۈز ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئىشىكىدە قاراۋۇللۇق قىلىپ، ئۇنى قوغدىدى.
ھەزرىتى ئوسمان شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئەلىنى خەلىپىلىككە تەيىنلىدى. ئۇ باشتا بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى ئۇ خەلىپە بولۇشنىڭ ئورنىغا ھەردائىم خەلىپىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇشنى تېخىمۇ ياقتۇراتتى. ئەمما ساھابىلەر ئىسلام ئۈممىتىنى ئۇ كۈنلەردىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ خەلىپە بولۇشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۈممەتنى بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈمىدىدە (گەرچە خالىمىسىمۇ)، خەلىپىلىكنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى ۋە بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئالدى.
ئەپسۇسلىنارلىقى، ھەزرىتى ئەلى خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەن ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار بەكمۇ پەرىشان ئەھۋالدا بولۇپ، ساھابىلەر شۈبھىلەردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشتى، ھەتتا بەزىلىرى ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەتمۇ قىلمىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا، سۈرىيە ئەتراپى شام ۋالىسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفياننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى. ئۇمۇ ۋەزىيەت مۇقىملاشقىچە ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا مۇسۇلمانلارنى قايغۇلاندۇرغان ۋە ھەر ۋاقىت قايغۇلاندۇرىدىغان قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى. ۋە نىھايەت، ھەزرىتى ئەلى ھىجرىيەنىڭ 40 ـ يىلى، رامىزاننىڭ 17 ـ كۈنى سەھەردە بامدات نامىزى ۋاقتىدا، خاۋارىجلاردىن ئابدۇررەھمان ئىبنى مۇلجەم ئەل ھۇمەيرى ئىسىملىك بىر قانخور تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى. مېيىت نامىزىنى ئوغلى ھەزرىتى ھەسەن چۈشۈردى. اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!
ھەزرىتى ئەلى ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەگە ئۆيلەندى ۋە ئۇ (ھەزرىتى فاتىمە) ھايات ۋاقتىدا باشقا ھېچكىمگە ئۆيلەنمىدى.
فاتىمە ھىجرەتنىڭ ئون بىرىنچى يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇممۇل بەنىن بىنتى ھارام ئەل كىلابىييەگە ئۆيلەندى. بۇ ئايالىدىن ئابباس، جافەر، ئابدۇللاھ ۋە ئوسمان ئىسىملىك بالىلىرى تۇغۇلدى، ئەمما ھەممىسى ھەزرىتى ھۈسەن بىلەن بىرلىكتە كەربالادا قەتىل قىلىندى. بۇ تۆت قېرىنداش ئىچىدە ئابباستىن باشقىلىرىدىن ئەۋلاد قالمىغانىدى.
ھەزرىتى ئەلى كېيىنچە، لەيلا بىنتى مەسئۇد ئەل تەمىمىييەگە ئۆيلەندى. بۇ ئايالىدىنمۇ ئابدۇللاھ ۋە ئەبۇبەكرى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى تۇغۇلدى. بۇلارمۇ باشقىلىرىدەك ھەزرىتى ھۈسەين بىلەن بىرلىكتە كەربالادا شېھىت قىلىندى. ھەر ئىككىسىدىن ئەۋلاد قالمىدى.
ئۇندىن باشقا، ئەسما بىنتى ئۇمەيس ئەل ھۇسۇمىييەگە ئۆيلەندى. بۇرۇن بۇ ئايال ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئاكىسى جافەرنىڭ ئايالى ئىدى. جافەر «مۇتە جېڭى» دا شېھىت بولغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇ ئايالنى ئۆز نىكاھىغا ئالدى ۋە مۇھەممەد ئىسىملىك بالسى دۇنياغا كەلدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ ئايال ھەزرىتى ئەلىگە نىكاھلاندى. ئەسما ھەزرىتى ئەلىدىن يەھيا، مۇھەممەد ئەل ئەسغەر ۋە ئەين ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل تۇغدى. ئەمما ئۈچىلىسىنىڭ نەسەبى ئۈزۈلدى (بالىلىرى يوق ئىدى دېمەكچى ـ ت).
ئاندىن بەنى تەغلىب قەبىلىسىدىن ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى زەمئاغا ئۆيلەندى. بۇ ئايال خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىراقنىڭ ئەينۇت تەمىر دېگەن يەرنى فەتىھ قىلغان ۋاقىتتا ئەسىر ئالغانىدى. ئۇممۇ ھەبىبە ھەزرىتى ئەلىدىن ئۆمەر ۋە رۇقىيە ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتلىك بولدى. ئۆمەر 35 يېشىدا ۋاپات بولدى ۋە ئۇنىڭ نەسەبى داۋاملاشتى.
ئۇندىن كېيىن، ئۇممۇ سەئىد بىنتى ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇد ئەس سەقافىييەگە ئۆيلەندى. بۇ ئايالدىن ئۇممۇل ھەسەن ۋە راملە ئەل كۇبرا ئىسىملىك ئىككى قىز تۇغۇلدى. ۋە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا بىر كۈيئوغلى ئەبۇل ئاسنىڭ قىزى، يەنى ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ھەمشىرىسى زەينەپنىڭ قىزى ئۇمامەگە ئۆيلەندى. بۇ ئايالدىن مۇھەممەد ئەل ئەۋسات تۇغۇلدى.
ئەڭ ئاخىرىدا، بەنى ھانىفە قەبىلىسىدىن ھەۋلە بىنتى جافەرگە ئۆيلەندى. بۇ ئايال مۇرتەدلىك ھەرىكەتلىرى ۋاقتىدا خالىد ئىبنى ۋەلىد تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانىدى. بۇ ئايالدىنمۇ مۇھەممەد ئىبنى ئەل ھەنەفىييە دەپ تونۇلغان مۇھەممەد ئەل ئەكبەر ئىسىملىك بالىسى تۇغۇلدى.
ھەزرىتى ئەلى ۋاپات بولغان ۋاقىتتا تۆت ئايالى ۋە 19 چۆرىسى بار ئىدى. ئانىلىرىنىڭ ئىسمى بىلىنمىگەن قىزلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:
ئۇممۇھانى، مەيمۇنە، زەينەپ ئەس سۇغرا (كىچىك زەينەپ)، راملە ئەس سۇغرا (كىچىك راملە)، ئۇممۇ گۈلسۈم ئەس سۇغرا (كىچىك ئۇممۇ گۈلسۈم)، فاتىمە، ئۇمامە، خەدىچە، ئۇممۇل كىرام، ئۇممۇ جافەر، ئۇممۇ سەلەمە ۋە جۇمانە.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ 14 ئوغۇل، 17 قىز، جەمئىي 31 بالىسى بولغانىدى. ئەمما بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كەربالادا شېھىت قىلىنغان بولۇپ، نەسەبى پەقەت بەش بالىسى ئارقىلىقلا داۋاملاشتى. بۇلار: ھەزرىتى ھەسەن، (نەۋرىسى ئەلى زەينەل ئابىدىن ئارقىلىق) ھەزرىتى ھۈسەيىن، مۇھەممەد ئىبنى ئەل ھانىفىييە، ئابباس ۋە ئۆمەر قاتارلىقلار ئىدى.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ مازىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھازرغىچە ئېنىق ئەمەس. بەزىلەر ئۇنىڭ كۇفەگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى ۋە كېيىنچە بالىلىرى تەرىپىدىن مەدىنىگە كۆچۈرۈلگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
بەزىلەر بولسا، مەخپىي دەپنە قىلىش ئۈچۈن تاۋۇتىنىڭ بىر تۆگىگە ئارتىلغانلىقىنى ۋە تۆگىنىڭ نېمە ئۈچۈندۇر يوقاپ كەتكەنلىكىنى، تاۋۇتنىڭ ئىچىدە قىممەتلىك بايلىق بار دەپ ئويلىغان بىر توپ كىشىنىڭ تۆگىنى تىقىۋالغانلىقىنى، ئەمما تاۋۇتنى ئېچىپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ مېيىتىدىن باشقا نەرسە تاپالمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنى تەي تېغىغا دەپنە قىلغانىلىقىنى رىۋايەت قىلىشىدۇ.
بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر بەكمۇ كۆپ ھەم ھەرخىل بولۇپ، قولىدا ھېچقانداق دەلىلى بولماي تۇرۇپ ئۇنىڭ مازارلىقىنىڭ نەجەفتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يۈرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەزرىتى ئەلىنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا كۆپلىگەن ھەدىسلەر نەقىل قىلىنماقتا.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكى
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكى”ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى”ھەزرىتى ئوسمان شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، مەدىنە ئىگىسىز قالغانىدى. بۇ ئارىدا، ئۆكتىچىلەرنىڭ كاتتىبېشى ئەل غەفىقى ئىبنى ھارب ئەل قەئقى ھۆكۈمرانلىقنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالدى. ئەلۋەتتە، پۈتۈن جەمئىيەتنى بۇ ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىۋالغانىدى. مەدىنىنىڭ ئەسلى خەلقى (كۆپىنچىسىنى ساھابىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بالا ـ چاقىلىرى تەشكىل قىلىدۇ) ھېچقانداق ئىشقا ئارىلىشالمايتتى، ئارىلىشىشقىمۇ پېتىنالمايتتى. بۇ ۋەزىيەت بەش كۈن داۋاملاشتى.
بۇ ئەھۋالنىڭ تۈزىتىلىشى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئورنىتىش ئۈچۈن چوقۇم بىر خەلىپە تەيىنلىنىشى كېرەك ئىدى ـ ئەلۋەتتە! ئەمما كىم خەلىپە بولىدۇ؟ بۇنى مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئويلىشىپ، ئۆز ئارىلىرىدىن بىرىنى تاللىشى كېرەك ئىدى.
ئاسىيلار قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، ئالدىنقى خەلىپىنى چوقۇم ئۆرىۋېتىشنى نىيەت قىلىشقانىدى ۋە ئاخىرىدا شۇنداق قىلدى. ئەمما ئۇلار يېڭى خەلىپە ھەققىدە بىر ـ بىرى بىلەن ئىختىلاپ قىلىشتى. چۈنكى ھەر بىر ۋىلايەتتىن كەلگەن ئاسىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئارزۇ ـ ھەۋەسلىرى بار ئىدى. مىسىرلىقلار ھەزرىتى ئەلىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەلى ئۇلارغا قەتئىي يېقىنلاشمىدى.
باسرالىقلار تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنى تاللىدى، ئەمما ئۇنى ھەرقانچە ئىزدەپمۇ ھېچيەردىن تاپالمىدى. كۇفەلىكلەر بولسا، زۇبەير ئىبنى ئەل ئاۋامنى تەلەپ قىلىشتى، ئەمما زۇبەيرمۇ ئۇلاردىن قېچىپ، قەتئىي قوبۇل قىلمىدى.
بۇ سىياسىي بوھران جەريانىدا كۇفە ۋە باسرالىقلار قىيىن ئەھۋالدا قالدى ۋە مىسىرلىقلارغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى تاللىغان ۋە قوللىماقچى بولغان شەخسلەرنى قايىل قىلالمىغاچقا ۋە ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالالمىغانىدى. مىسىرلىقلارنىڭ ۋاقتىنچە بۇ قىيىنچىلىقى يوق ئىدى. چۈنكى مىسىرلىق ئازغۇنلارنىڭ كاتتىبېشى بۇ قالايمىقانچىلىقتا مەدىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا كىرگۈزىۋالغانىدى.
بۇ ئۈچ ساھابە ئاسىيلارنىڭ تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلغاندىن كېيىن، ئاسىيلار يەنە چوڭ ساھابىلەردىن سەئد ئىبنى ئەبۇۋەققاسنىڭ ئالدىغا بېرىشتى. ئەمما ئۇمۇ باشقا كېڭەش ئەزالىرىغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلدى. ئۇنىڭسىزمۇ باشتىلا ئۆزىنى چەتكە ئالغانىدى. ئاندىن كېيىن ئۇلار ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھنىڭ ئالدىغا باردى. لېكىن ئابدۇللاھ بۇلارنىڭ تەكلىپىنى ئۇ چوڭ ساھابىلەردىنمۇ بەكرەك قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلدى.
ئاسىيلار بۇ ھەقتە بەكمۇ چوڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. چۈنكى ئۇلار ئىسلام خەلىپىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرىنى تەيىنلىيەلمەيۋاتاتتى. شۇنداقلا، مەدىنە خەلقىمۇ ئوخشاشلا قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىدى. چۈنكى مەدىنە ــ ئىسلام دۆلىتىنىڭ تۇنجى پايتەختى ئاسىيلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانىدى.
ئاسىيلار خالىغىنىنى قىلاتتى، ئەمما مەدىنىلىكلەر چارىسىز بولۇپ، ھېچبىر ئىشقا ئارىلىشالمايتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ خەتەرلىك پەيتتىن قۇتۇلۇش ۋە دۆلەت ۋەزىيىتىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن چوقۇم بىر خەلىپە سايلاش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنىدى. ئۇلار ئۆز كۆڭلىدە ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ ئىشقا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئىكەنلىكىگە قانائەت ھاسىل قىلدى. چۈنكى ھەزرىتى ئەلى ھەم كېڭەش ئەزاسى ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئىدى. شۇنداقلا ئۇ ئىسلامنى تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلغان ۋە ئىسلام ئۈچۈن بىباھا خىزمەتلەرنى قىلغان، جەڭ مەيدانىدا جان پىدالىق بىلەن جىھاد قىلغانلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ كەڭ مەلۇماتى، ئىلىم ۋە ئىرپانى، بەكمۇ قىممەتلىك فىقھى بىلىملىرى ئۇنىڭ لاياقىتىنى تېخىمۇ ئۈستۈن قىلاتتى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئۇ شۇ دەۋردىكى زامانداشلىرى ئارىسىدا ئەڭ ئۈستۈن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىدى. شۇڭا مەدىنە خەلقى توپلىشىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە رەھبەرلىكنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەكلىپ قىلدى. ئەمما ئۇ رەت قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: «رەھبەرلىكتە كۆزۈم يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەمىر بولۇش ئەمەس، ۋەزىر بولۇش (خەلىپە بولۇش ئەمەس، مەسلىھەتچىسى بولۇش) مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىراق. سىلەر مەندىن باشقا كىمنى تاللىساڭلار، مەن ئۇنىڭغا رازى.»
بۇ ئىش ئۇزىراپ كەتتى، ھەم باشقا ۋىلايەتلەردىن كېلىۋاتقان قوشۇن مەدىنىگە كىرىشكە ئاز قالغانىدى. ئاسىيلار ئۇلارنىڭ كېلىپ شەھەرنى ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىشىدىن ۋە ھەزرىتى ئوسماننىڭ قاتىللىرىنى تېپىپ جازالاندۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ ئالاقزادە بولۇشقا باشلىدى. شۇڭا بۇ ئىشنى تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىشقا تىرىشاتتى ۋە ھەش ـ پەش قىلىپلا بىرىنى خەلىپىلىككە تەيىنلەشكە ئۇرۇناتتى. ئەمما بۇ مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ قولىدىكى ئىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەققى ئىدى.
ئەگەر ئۇلارغا خەلىپىنى تاللىغۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولالىسا ۋە (ئەڭ يامان ئېھتىمال بولغاندا) مەدىنىدىكى كۈچلىرىنى قوغداپ قالالىسا، خەلىپە ئۇلارنىڭ قولىدىكى قورچاققا ئايلىناتتى ۋە شەھەرنى قولىدا تۇتۇپ تۇرالىغان مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى جازالاشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيتتى. ياكى سانى كۆپ بولغاچقا ھېچكىم ئۇلارغا (ئاسىيلارغا) چېقىلالمايتتى ۋە ئۇلارغا قارشى ھېچقانداق جازا يۈرگۈزەلمەيتتى. ئەگەر مەدىنىنى قوغداشقا كەلگەن ئەسكەرلەر خەلىپە تاللىنىشتىن بۇرۇن مەدىنىگە يېتىپ كېلەلىسە، ئۇلارغا قارشى تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇندىن باشقا، ئۆزلىرىدىن (ئاسىيلاردىن) قاتتىق نەپرەتلىنىپ تۇرغان مەدىنىلىكلەر يېتىپ كەلگەن قوشۇنغا قېتىلىپ ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئالاتتى ۋە ھەزرىتى ئوسماننىڭ قاتىللىرىنى چوقۇم جازالاندۇراتتى. ئۇندىن كېيىن خەلق ئۇلار (ئاسىيلار) خالىغاننى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى خالىغان بىرىنى خەلىپە قىلىپ تاللايتتى.
ئىشنى مانا بۇ نۇقتىدىن باشلىغان ئاسىيلار ھەممىدىن بۇرۇن دەرھال بىر خەلىپە تەيىنلەش ئارزۇسىدا ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئەگەر بىرى دەرھال خەلىپىلىككە تەيىنلەنمىسە، ئۇلار (ئاسىيلار) مەدىنە خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ كېڭەش ئەزالىرىنى ۋە چوڭ ساھابىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى، خەلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلارنى قەتلى قىلىدىغانلىقى ۋە مەدىنىدە كىمنى كۆرسە ئۇنىمۇ ئۆلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالماقچىمۇ بولۇشتى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ پىلانى ئىدى.
دەرۋەقە ئۇلار خەلقنى بىر يەرگە يىغىپ:
«ئەي مەدىنىلىكلەر! سىلەرگە ئىككى كۈنلۈك مۆھلەت بېرىمىز. بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە بىرىنى خەلىپىلىككە تەيىنلىسەڭلار تەيىنلىدىڭلار، بولمىسا ھەزرىتى ئەلى ۋە زۇبەيردىن باشلاپ بىرمۇنچە كىشىنى ئۆلتۈرىمىز!
» دەپ ئېغىر تەھدىت سالدى.
پۈتۈن مەدىنە خەلقى، چوڭ ساھابىلەر ھەتتا ئىسلام دۆلىتى بەكمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئالدىغا كېلىشتى. خەلقمۇ يىغىلىپ ئۇنىڭغا:
ــ بىز سېنى تاللىدۇق. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى سەنمۇ كۆرۈۋاتىسەن،- دەپ ئۇنى بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇلارغا:
ــ مېنى زورلىماي، باشقا بىرىنى تېپىڭلار. چۈنكى ئاجايىپ قورقۇنچلۇق بىر ۋەقەگە دۇچ كەلدۇقكى، بۇ ۋەقەنىڭ ھەرخىل سەپلىرى، ھەرخىل رەڭلىرى ۋە چېھرىلىرى بار. بۇنىڭغا يۈرەك چىدىمايدۇ، ئەقىل يەتمەيدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما مەدىنىلىكلەر ئۆز گېپىدە چىڭ تۇردى ۋە:
ــ اﷲ ھەققىدە سېنى بۇ ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىمىز. بىز كۆرۈۋاتقان كۈنلەرنى سەن كۆرمەيۋاتامسەن؟ ئىسلامنىڭ قايسى ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ كۆزلىرىڭ بۇ پىتنىلەرنى كۆرمەيۋاتامدۇ؟ اﷲ تىن قورقمامسەن؟- دەپ بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇنىڭ زىممىسىگە ئارتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەلى ئۇلارغا:
ــ ماقۇل، بۇ جىددىي ۋەزىيەتتە سىلەرنىڭ تەكلىپىڭلارنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرمەن. ئەمما سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن توغرا دەپ قارىغان ھەر ئىشتا سىلەرنىڭمۇ مېنىڭ يېنىمدا بولۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. ئەگەر مېنى يالغۇز تاشلاپ قويساڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى بىرىدىن ھېچقانداق پەرقىم بولمايدۇ (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ مەسئۇلىيتى قانچىلىك بولسا، مېنىڭمۇ شۇنچىلىكلا بولىدۇ ـ ت) - ئەلۋەتتە! مەن سىلەرگە خەلىپە بولۇش سۈپىتىم بىلەن دەرتلىرىڭلارغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە دەرمان بولۇشقا تىرىشىمەن،- دەپ جاۋاب بەردى.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلىغان خەلق ئەتىسى كۈنى قايتا يىغىلىشقا مەسلىھەتلىشىپ تارقاپ كېتىشتى. ئەتىسى تەلھە ۋە زۇھەيرنىمۇ يانلىرىغا ئېلىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلدى. تارىخ: ھىجرىيەنىڭ 35 ـ يىلى، زۇلھەججە ئېيى تۈگەشكە تۆت كۈن قالغانىدى (جۈمە كۈنى ئىدى).
مۇھاجىرلاردىن سەئد ئىبنى ئەبۇۋەققاس، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ، ئۇسامە ئىبنى زەيد ۋە سۇھەيم؛ ئەنسارىلاردىن مەدىنىدىن مەككىگە كەتكەن ھاسان ئىبنى سابىت، زەيد ئىبنى سابىت، كەئاب ئىبنى مالىك، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە، نۇئمان ئىبنى بەشىر، رافى ئىبنى خۇدەيج، سەلەمە ئىبنى ۋاقىش، ئەبۇ سەئد ئەل خۇزرى، قۇدامە ئىبنى مەزئۇن، مەسلەمە ئىبنى مەھلەد، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام، سەئد ئىبنى ئەل ئاس، ۋەلىد ئىبنى ئۇقبە ۋە مەرۋان ئىبنى ھەكىم قاتارلىق كۆپىنچىسى بەنى ئۈمەييە ئايمىقىغا تەۋە كىشىلەردىن باشقا پۈتۈن خەلق ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلدى.
ھەزرىتى ئەلى ئىككى ئىشتىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى، چوقۇم شۇنداق قىلماي باشقا ئامالى يوق ئىدى. بىرىنچىسى، ئۆزىگە سۇنۇلغان خەلىپىلىك تەكلىپىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش بولۇپ، ئەگەر شۇنداق قىلسا، مەدىنىدىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت ۋە ئاسىيلارنىڭ شەھەر ۋە دۆلەتكە بولغان ھۆكۈمرانلىقى داۋاملىشاتتى. ياۋايى بەدەۋىيلەر بىلەن شەھەرنى ئىشغال قىلىۋالغان بۇ ئۆكتىچىلەر خالىغىنىنى قىلماي قويمايتتى. بەلكىم ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ، بۇ ئازغۇنلار شەھەردە قەتلىئام ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
چۈنكى كۆزلىرىگە قان تولغان بۇ ئاسىيلار ئەڭ چوڭ جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، ئىسلام خەلىپىسىنى خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا ۋە ئىسلامنىڭ يۈرىكىدە (مەدىنىدە ـ ت) ۋەھشىيلەرچە قەتلى قىلغانىدى. ئىنسان بىر قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزدىمۇ، ئۇندىن كېيىن داۋاملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن تەسكە چۈشمەيتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئاسىيلار كېڭەش ئەزالىرىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىغا دائىر تەھدىتلىك سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى.
ئۇندىن باشقا، ئەگەر باشقا ۋىلايەتتىن كېلىۋاتقان قوشۇن ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ، بۇ ئاسىيلارنى شەھەردىن قوغلاپ، قاتىللارنى جازالاندۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى تەرتىپكە سالماقچى بولسا، ئاسىيلار بىلەن ئىسلام قوشۇنى ئارىسىدا قانلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر شۇنداق بولغان تەقدىردە، بىرمۇنچىلىغان ساھابە ھاياتىدىن ئايرىلغاننى ئاز دەپ، مۇسۇلمانلارمۇ بۆلۈنۈپ كېتەتتى. ھېچبىر ئەقىل ۋە ئىمان ئىگىسى بۇنداق قالايمىقانچىلىقنىڭ چىقىشىنى ھەرگىز خالىمايتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەسكەرلەر خەلق رەھبەرلىكىگە ئارىلىشىشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ خەلىپە سايلاش ئىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىمۇ ناھايىتى چوڭ ئېھتىمال ئىدى. ھالبۇكى، ئەڭ توغرىسى بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. ھەزرىتى ئەلى مانا بۇ مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشاتتى. شۇ ۋەجىدىن خەلقنىڭ خەلىپىلىك تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.
ئىككىنچىسى، بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىسا، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ پىتنىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇقەررەر ئىدى. شۇڭا بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رەسۇلۇللاھنىڭ ھىجرەت يۇرتىنىڭ خەلقىگە ئىشەنچ ۋە ھۇزۇر ئاتا قىلىش، ئامانلىقنى قوغداش، خەلىپىلىك ماقامىنىڭ بۇرۇنقى ھەيۋەت ۋە ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، اﷲ نىڭ قانۇنلىرىنى يەر يۈزىدە قايتىدىن يولغا قويۇش كېرەك ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەزرىتى ئەلى خەلقنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى قولىغا ئېلىشنىڭ نەقەدەر قىيىن، مۈشكۈل ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. چۈنكى خەلىپە شۇ كۈنكى شارائىتىدا قانخورلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى سوتلىغۇدەك ۋە تېگىشلىك جازالىرىنى بەرگۈدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدى. بۇنى قىلىش ئۈچۈن مەلۈم ۋاقىت ئۆتۈشى، جەمئىيەت تىنجىپ، ئامانلىق ساقلىنىشى ۋە خەلىپىلىكنىڭ بۇرۇنقى ھۆرمەت ـ ئېتىبارى ئەسلىگە كېلىشى لازىم ئىدى.
مانا بۇ تەرەپلەرنى خەلق ئاممىسىنىڭ بىر قىسمى چۈشىنىپ يېتەلمەيۋاتاتتى. شۇڭا ئۇلار خەلىپىدىن دەرھال بۇ قاتىللارنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشاتتى ۋە بېسىم ئىشلىتەتتى. ھالبۇكى، خەلىپىنىڭ بۇنىڭغا كۈچ ـ قۇدرىتى يەتمەيتتى. چۈنكى مەدىنى تېخى ئىشغال ئاستىدا ئىدى. ھەممىدىن بۇرۇن ئاسىيلارنىڭ مەدىنىدىن چىقىرىلىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلۇشى ياكى چەت ـ چېگرا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ئۇندىن باشقا، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا قارشى (ئۆكتىچى) بولۇپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلمايتتى. ئەمما بۇ خەلىپىنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىغا سەۋەبچى بولالمايتتى. چۈنكى ئۇ اﷲ نىڭ قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى چەتكە ئالسا بولمايتتى، اﷲ تىن باشقا ھېچكىمدىن قورقماسلىقى ۋە ھېچكىمگە ياخشىچاق بولماسلىقى كېرەك ئىدى.
بەيئەت ئىشىغا كەلسەك، ھەزرىتى ئەلى خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ساھابىلەردىن بىر قىسىمىنىڭ بەيئىتىنى ئالالماسلىقى مۇمكىن (ئالالمىسىمۇ بەك مۇھىم ئەمەس) ئىدى. شۇڭا ئۇ سەئد ئىبنى ئەبۇۋەققاس ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بەيئەتلىرىنى مۇھىم بىلمەي، تەلھە ۋە زۇبەيرنىڭ بەيئىتىدە چىڭ تۇردى. چۈنكى بۇلار ئاسىيلار كۆزىدىمۇ بەك مۇھىم كىشىلەر ئىدى.
ھەزرىتى ئەلى قاتىللارنىڭ جازالىرى مۇۋاپىق شارائىت يارىتىلغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈلسە، خەلقمۇ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرمەيدۇ دەپ قارايتتى.
چۈنكى بۇ مەسىلە يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇپ تۇرۇلۇپ، ئالدى بىلەن دۆلەت مۇقىملىقىنىڭ ساقلىنىشى ۋە خەلىپىلىك ئورگانلىرىنىڭ رەسمىي خىزمەت باشلىشى ئەڭ مۇھىم ۋە شەرئىي ۋەزىپە ئىدى. شۇڭا ھەزرىتى ئەلى بۇ ۋەزىپىنى خەلقنىڭ زورلىشىغا شۇنچە كۆپ قارشىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن تاپشۇرۇۋالغانىدى. ئەسلىدە، بۇ ئورۇن ياكى باشقا دۇنيا مەنپەئەتلىرىدە ئۇنىڭ كۆزى يوق ئىدى.
ھەزرىتى ئەلى خەلىپىلىكنى قولىغا ئېلىپلا، ئالدى بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئويلايتتى. ئەمما بۇ ئاسىيلارنىڭ مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئاسىيلار بولسا، ئارزۇ ـ ئىستەكلىرى ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ قايتىشنى ھەرگىز خالىمايتتى. يەنى ئۇلارغا نىسبەتەن دۆلەت ئىنتىزامى بۇرۇنقى خەلىپىنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن مۇقىملاشقان ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلەر بۇرۇنقى خەلىپە تەيىنلىگەن ۋالىلاردىن قۇتۇلغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن قانائەت ھاسىل قىلسا، ئاندىن تارقاپ كېتىشگە رازى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇنىڭسىزمۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ بەزى ۋالىلارنى ئالماشتۇرۇش خىيالى بار ئىدى. ئۇ خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، بەزى ۋالىلارنى ئالماشتۇرۇشقا قارار بەردى. بەزى ساھابىلەر ۋە مۆتىۋەرلەر ئۇنىڭغا ۋاقتىنچە بۇ ۋالىلارنى ئالماشتۇرماي تۇرۇشى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆز قارارىدىن يانمىدى. چۈنكى ئۇ، خەلىپە خالىغان كىشىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ، خالىغان كىشىنى تەيىنلەشكە كۈچى يەتمىسە، دۆلەت ھۆكۈمرانلىقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرالمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بولمىسا، ۋالىنىڭ خەلىپىگە قاراشلىق ئىكەنلىكى قانداق بىلىنەتتى؟ بۇ ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتى نەدە قالىدۇ؟ ئەگەر خەلىپە بىر ۋالىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىيالمىسا، بۇ ۋالىنىڭ ئۆزىنى خەلىپە دەپ بىلگەنلىكى، خەلىپىنىڭ ئەمرلىرىنى رەت قىلغانلىقى، ھەتتا ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئېلان قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان تەقدىردە بىر دۆلەتتە بىر قانچە خەلىپە (دۆلەت رەئىسى) ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ. بۇ جائىز ئەمەس بولۇپ، ئىسلام بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.
بۇمۇ بىر چوڭ مەسىلە ئىدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسىيلارمۇ ۋالىلار ئالماشتۇرۇلمىغۇچە ئۆز مەقسەتلىرىگە تولۇق يەتمىگەنلىكىنى باھانە قىلىشىپ، مەدىنىدىن چىققىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالاتتى. ئاسىيلار چىققىلى ئۇنىمىسا، خەلىپە ھېچقانداق ئىشقا ئارىلىشالمايتتى، اﷲ نىڭ قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايتتى. ھالبۇكى، ھەزرىتى ئەلى اﷲ نىڭ ئەمرلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىش ۋە خەلق ئارىسىدا ئادالەت ئورنىتىش يولىدا ھېچكىمنىڭ توسقۇنلۇقىدىن قورقمايدىغان بىرى ئىدى. شۇڭا، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كونا ۋالىلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى ۋالىلار تەيىنلىنىشى شەرت ئىدى.
ھەزرىتى ئەلى بۇنىڭغا تولۇق قارار بەرگەندىن كېيىن، يېڭى ۋالىلارنى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتتى. باسرا ۋالىلىقىغا ئوسمان ئىبنى ھۇنەيفنى تەيىنلىدى. بۇ زات ئەنسارىلارنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن ئىدى. ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف باسراغا يېتىپ بارغاندا، كونا ۋالى ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر ھېچقانداق نارازىلىق بىلدۈرمەي ۋەزىپىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئەمما ئۇ يەردىن مەككىگە قايتىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەلى كۇفە ۋالىسى ئەبۇمۇسا ئەل ئەشئەرىنى ئۆز ۋەزىپىسىدە قالدۇردى. ئەبۇمۇسا ھەزرىتى ئەلىگە باشتىلا ئۆزىنىڭ ۋە كۇفە خەلقىنىڭ بەيئىتىنى يوللىغانىدى.
ھەزرىتى ئەلى سەھل ئىبنى ھۇنەيفنى شامغا ۋالى قىلىپ تەيىنلىدى.
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەلى سەھل ئىبنى ھۇنەيفنى شامغا ۋالى قىلىپ تەيىنلىدى.”ئەمما ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ماڭغان بۇ زات شام چېگرىسىدىن كەينىگە قايتۇرۇۋېتىلدى. ئۇنى بەلكىم چېگرا مۇھاپىزلىرى شام ۋالىسى مۇئاۋىيەنىڭ ئەمرى بىلەن قايتۇرۇۋەتتى ياكى بولمىسا مۇئاۋىيە نامىنى تىلغا ئېلىپ ئۆزىلا قايتۇرۇۋەتكەنىدى.
خەلىپىگە بەيئەت قىلمىغان ئاز سانلىق كىشىلەر ئىسيان كۆتەرمىگەن ۋە ھېچكىم بىلەن زىددىيەت ـ توقۇنۇشقا كىرمىگەن ھالدا ھەربەتا دېگەن مەھەللىگە يىغىلىپ ماكانلاشتى ۋە ئۆزلىرىنى خەلقتىن ئايرىم تۇتۇشقا تىرىشتى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەلى يېڭى خەلىپە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈچ كىشىنى ئۈچ مۇھىم ۋىلايەتكە ۋالى قىلىپ تەيىنلەشكە مۇۋەپپەق بولدى. بۇ ئۈچ ۋىلايەت جىھاد ۋە چېگرا ئىشلىرىدا ئەڭ سىتراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە ئىدى.
ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئەلى مەككىگە خالىد ئىبنى ئەل ئاس ئىبنى ھىشام ئىبنى ئەل مۇغىرە ئەل مەھزۇمىنى ۋالىلىققا تەيىنلىدى. ئەمما يېڭى ۋالى مەككىگە بارغاندىن كېيىن، پىتنىدىن قېچىپ مەدىنىدىن يېنىپ چىققان خەلق ئاممىسىنىڭ، بەنى ئۇمەييەگە مەنسۇپ بىر توپ كىشىنىڭ ۋە ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلغان كونا ۋالىلارنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشقانلىقىنى كۆردى. بۇ سەۋەبتىن شەھەر خەلقى بۇ يېڭى ۋالىنى قوبۇل قىلمىدى. شەھەردىكى ھەر بىر جامائەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مۆتىۋەر كىشىلىرى بار بولۇپ، ئارىلىرىدا بىرەر ئىش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بۇ مۆتىۋەرلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشاتتى.
ھەزرىتى ئەلى يەنە تاغىسىنىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى يەمەنگە ۋالى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇبەيدۇللاھ يەمەنگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، كونا ۋالى يەئلا ئىبنى ئۇمەييەمۇ ۋەزىپىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇدۇل مەككىگە قاراپ يول ئالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسلام دۆلىتىنىڭ شامدىن باشقا بارلىق ۋىلايەتلىرى ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا باش ئەگدى.
شام ۋىلايىتىنىڭ بېشىدا مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇسۇفيان بار ئىدى. مۇئاۋىيە ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكى خەلق تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ رەسمىيلەشتى. ھەزرىتى ئەلى مۇئاۋىيەگىمۇ ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە بەيئەت قىلىشىنى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما مۇئاۋىيە ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ۋە مەدىنىدىكى ئاسىيلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ تۇرۇۋالدى ۋە بەيئەت توغرۇلۇق ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
ھەزرىتى ئەلى دەۋرىدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەلى دەۋرىدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى”ھەزرىتى ئەلى دەۋرىدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقى دەۋرلەردىن پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. يولغا قويۇلغان نىزام اﷲ نىڭ شەرىئىتى، ئىجرا قىلىنغان ۋە بويسۇنۇلغان قانۇنلار اﷲ نىڭ ھۆكۈملىرى ئىدى.
بۇ دەۋردە ئۆزگەرگەن بىردىنبىر نەرسە شۇ ئىدى: ئەينى ۋاقىتتا خەلقنىڭ كۈنلىرى ئاساسەن چەك ـ چېگرادا ۋە ئالدىنقى سەپلەردە يۈز بەرگەن فەتىھ ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆتسە، ھەزرىتى ئەلىنىڭ دەۋرىدە دۆلەت ئىچىدە بولۇۋاتقان مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش ئىچىدە ئۆتتى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خەلقنىڭ مەۋقەسى مانا بۇ ئىدى.
ئۇلارنىڭ ۋالىلارغا بولغان مەۋقەسىگە كەلسەك، خەلق بۇ ئىشلارغا بۇرۇنقىدىن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ئۇندىن باشقا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنى ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىدەك قارشى ئالماسلىقىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان يەنە بىر مەسىلە ئىدى.
چۈنكى ھەزرىتى ئوسمان چوڭ ساھابىلەرنىمۇ مەدىنە سىرتىغا چىقارمىغان ھەزرىتى ئۆمەردىن كېيىن خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە خەلققە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ كونا ئادىتى بويىچە خەلقنى پۇل ۋە مال ـ بايلىققا كۆمۈۋەتكەنىدى. شۇڭا خەلق ئۇنىڭ خەلىپىلىكىگە بەكمۇ سۆيۈنگەنىدى ۋە تۇنجى كۈنلىرىدىلا ئۇنىڭغا كۆڭۈل باغلىغانىدى. ھەتتا بەزىلەر (بۇ سەۋەبتىن) ئۇنى ھەزرىتى ئۆمەردىنمۇ ئۈستۈن كۆرەتتى.
ھەزرىتى ئەلى خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇمۇ ھەزرىتى ئۆمەرگە ئوخشاش قاتتىق قول مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. دۆلەت خەزىنىسىنى چىڭ تۇتتى. قۇرەيشلەرنىڭ مەككە ۋە مەدىنىدىن چىقىپ، دۆلەتنىڭ باشقا يەرلىرىگە ماكانلىشىشىنى چەكلىدى. ئۇ خەلقنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. چۈنكى بەنى ئۇمەييە قەبىلىسىدىن بىر توپ كىشى مەككىگە ماكانلىشىپ، مەككىلىك يەرلىك خەلقنىڭ بىر قىسمى دۆلەتنىڭ باشقا مەركەزلىرىگە تارقىلىپ كەتكەنىدى.
ھەزرىتى ئەلى ئەنە شۇنداق ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئىنتىزامىنى قايتىدىن يولغا قويۇشقا تىرىشتى. ئەمما بۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى بىرىنىڭ مۇلايىم مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، قوپاللىققا ۋە قاتتىق مۇئامىلىنى قەتئىي كۆتۈرەلمەيتتى. شۇڭا خەلق ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن پسىخولوگىيىلىك بىئاراملىققا دۇچار بولدى.
بۇنىڭدىن سىرت، ھەزرىتى ئوسماننى قەتلى قىلغان پىتنىچىلەرنىڭ مەدىنىگە بولغان بېسىمى تېخىچە داۋاملىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ تېگىشلىك جازالىرىمۇ تېخى بېرىلمىگەنىدى.
ئەمدى ئۇ دەۋردىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا بىر نەزەر تاشلاپ باقايلى:
ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدىن يەمەن ۋالىلىقىغا تەيىنلەنگەن ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابباس يەمەنگە بېرىپ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇرۇنقى ۋالى يەئلا ئىبنى ئۇمەييە ۋەزىپىنى دەرھال ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. يەمەن خەلقىنىڭ ھاياتى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملىشىۋەردى، جىنايەتچىلەرگە جازا بېرىلدى، شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە تولۇق رىئايە قىلىندى.
مەككە مۇكەررەمنىڭ ئەھۋالى مۇنداق ئىدى:
ھەج ئىبادىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ مەدىنىگە قايتىۋاتقان بىر توپ كىشى يولدا ھەزرىتى ئوسماننىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىنى ئۇقۇپ قورقۇپ كەتتى ۋە بۇ پىتنىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن يەنە مەككىگە قايتتى. چۈنكى مەككە تېخىمۇ بىخەتەر بولۇپ، بۇ مۇقەددەس شەھەر ھېچكىم تەرىپىدىن باستۇرۇلمايتتى ۋە ھېچكىمنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىمايتتى.
مەدىنەلىك ھاجىلاردىن باشقا، بەنى ئۇمەييەگە ئوخشاش بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرگە قاتتىق غەزەپلەنگەن بەزى قەبىلىلەرمۇ مەككىگە ئېقىپ كەلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھمۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدىن مەككىگە ۋالى قىلىپ تەيىنلەنگەن خالىد ئىبنى ئەل ئاس ئىبنى مۇغىرە قايتۇرۇۋېتىلدى، مەككە ۋالىسىز قالدى.
كۆپ ئۆتمەي، (ساھابىلەرنىڭ ئەڭ مۆتىۋەرلىرى ۋە كېڭەش ئەزالىرىدىن) تەلھە ۋە زۇبەيرمۇ ئۇمرە ھەجنى باھانە قىلىپ، ھەزرىتى ئەلىدىن مەككىگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىدى. ئۇلارمۇ مەككىگە بارغاندىن كېيىن، مەدىنىگە قايتىشنى خالىمىدى. چۈنكى مەككىنىڭ ۋەزىيىتى ھەزرىتى ئوسماننىڭ قاتىللىرى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن مەدىنىنىڭ ۋەزىيىتىدىن كۆپ ياخشى ئىدى.
مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدىن مەككىگە ۋالى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئوغلى قۇسسەم مەككىگە كېلىپ يەرلەشتى ۋە ھۆكۈمرانلىقنى قولىغا ئالدى.
پىتنىدىن قېچىپ بۇ يەرگە كېلىۋالغان كىشىلەر بۇنى كۆرۈپ، مەككە ۋەزىيىتىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىسىز دەپ ئويلاشتى. ئۇلار مەككىدە كۈن كەچۈرۈشنىڭ قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزلىرى كۆنۈپ قالغان تىجارەت ئىشلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئاقمايۋاتقانلىقىنى، بۇرۇنقى كۈنلەرنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى ۋە باسرانىڭ تىجارەت ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق شەھەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، باسراغا قاراپ كۆچۈشكە قارار بەردى. باسراغا كۆچۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەر ھەزرىتى ئائىشەنىمۇ ئۆزلىرى بىلەن بىللە كېتىشكە قايىل قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر ئايالى ھەزرىتى ھەفسەنىڭ قېرىندىشى ئابدۇللاھ ئۇ (ھەفسە) نىڭ ئالدىنى توسمىغان بولسا، ئۇمۇ باسراغا كەتكەن بولاتتى. كۆچمەن كارۋان باسراغا قاراپ يولغا چىقتى. كارۋانغا ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەتتاب ئىبنى ئۇسەييىد ئىماملىق قىلدى. ئابدۇررەھماننىڭ دادىسى ئەتتاب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرلىرىدە ئۇزۇن مۇددەتكىچە مەككىنىڭ ۋالىلىقىنى قىلغانىدى.
مەككىنى تەرك ئەتكەن بۇ كارۋاندىكى كىشىلەرنىڭ سانى 700 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپچىلىكىنى مەككە ۋە مەدىنە خەلقى تەشكىل قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەلھە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر، يەئلا ئىبنى ئۇمەييە، ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەتتاب ۋە ھەزرىتى ئائىشە قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. سەئد ئىبنى ئەل ئاس، ئەل مۇغىرە ئىبنى شۇئبە ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى خالىد ئىبنى ئۇسەييىد قاتارلىقلار يېرىم يولدىن قايتىپ كەلدى. ئەمما بۇ كارۋانغا يولدا ئۈچ مىڭغا يېقىن بەدەۋىي كېلىپ قېتىلدى.
ئۇلار مەككىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شەھەرنىڭ ۋەزىيىتى بىر ئاز پەسكويغا چۈشتى. كارۋان ھەۋئاب سۈيى دېگەن يەرگە كەلگەندە يېقىن ئەتراپتىن ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازلىرى كېلىشكە باشلىدى. ھەزرىتى ئائىشە كارۋانغا بىر ئاز دەم ئېلىشنى ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى: «اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، كېچە ۋاقتى ھەۋئاب ئىتلىرىنىڭ ئاۋازىنى تۇيىدىغىنى مەگەر مەن ئىكەنمەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئاياللىرىغا: “ئاراڭلاردىن كىمنىڭ ھەۋئاب ئىتلىرىنىڭ ئاۋازىنى تۇيىدىغانلىقىنى بىر بىلگەن بولسام” دېگەنىدى.»
كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەۋئابتا نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشتى. ھەزرىتى ئائىشە دەرھال يولغا چىقتى.
مەدىنىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، مەدىنە خەلقى ھەزرىتى ئەلىنى ھۆرمەتلەيتتى. چۈنكى ئۇ شۇ زامان كىشىلىرىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى ۋە ئەڭ ئەۋزىلى بولۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەللىرى ئاللىبۇرۇن ۋاپات بولغانىدى. شۇڭا ئۇلار ھەزرىتى ئەلىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىپ، ھەزرىتى ئوسماننى قەتلى قىلغان ئۆكتىچىلەر چىقارغان قالايمىقانچىلىقنىڭ بېسىقىشى ئۈمىدىدە دەرھال ئۇنى دەرھال خەلىپە بولۇشقا قىستىدى. ھەزرىتى ئەلىمۇ دەسلەپ بۇ تەكلىپكە قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ ۋەزىپىنى ئۆز زىممىسىگە ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، قوبۇل قىلدى. چۈنكى بۇزۇلغان ئىنتىزامنى تۈزەش ئۈچۈن «ئەمىر» نىڭ، يەنى دۆلەت رەھبىرى بولۇشى شەرت ئىدى.
ھەزرىتى ئەلى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا، ساھابىلەر ئۇنىڭدىن بۇ قانخورلارنىڭ تېگىشلىك جازالىرىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار دېمىسىمۇ، ھەزرىتى ئەلى بۇنى بىلەتتى. ئەمما ئۇ ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىشىشىنى ۋە خەلىپىلىكنىڭ بارلىق خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، كۈچلۈك ھالغا كېلىشىنى كۈتەتتى. چۈنكى ئۇ، بۇ ئاسىيلار مەدىنىدىن چىقىپ كەتمىگىچە ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۆلەتنىڭ بەزى يەرلىرى تېخى ئۆزىگە بەيئەت قىلمىغانىدى.
شام ۋىلايىتى ۋە بەزى ساھابىلەر بەيئەت قىلمىغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى قىسمى ئىدى. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ۋەزىيەت يامانلاشقان ۋاقىتلاردا ھەر ئىنسان ئۆز خىيالى بويىچە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئىزدىگەچكە، ناھايىتى كۆپ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ كېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ساھابىلەر ھەزرىتى ئەلىگە بۇ قانخورلارنىڭ جازاسىنى دەرھال بېرىشكە قىستايتتى. ھالبۇكى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيتتى. چۈنكى ئۇ شارائىتتا ئۇ ئۆز ھوقۇقىنى ھېچ بىر ئىشقا ئىشلىتەلمەيتتى. مەسىلەن، ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە يېڭى ۋالىلارنى ئەۋەتتى، ئەمما شامنىڭ يېڭى ۋالىسى چېگرىدىن قايتىپ كەلدى.
ھەزرىتى ئەلى خەلققە قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. ھەق يولىدا قىلچە بىخەستەلىك قىلمايتتى. شۇڭا بەزىلەر ئۇنىڭغا ۋەزىيەت مۇقىملاشقىچە مۇئاۋىيەنى شامنىڭ ۋالىلىقىغا قويۇشىنى، تەلھەنى باسراغا، زۇبەيرنى كۇفەگە ۋالى قىلىپ تەيىنلىشىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ بۇ تەكلىپنى قەتئىي قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسمۇ ئۇنىڭ بىلەن پىكىرداش ئىدى.
ۋەزىيەت شۇ قەدەر يامان ئىدىكى، ھەزرىتى ئەلى شامنى دۆلەت رەھبەرلىكىگە بويسۇندۇرۇش مەقسىتىدە خەلقنى ئەسكەر بولۇشقا چاقىردى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى پەقەتلا خالىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ھېچكىمنى مەجبۇرلىمىدى، پەقەت پىدائىي بولۇپ قاتناشقانلاردىنلا بىر قوشۇن تۈزدى.
قوشۇننىڭ تۇغىنى ئۆز ئوغلى مۇھەممەد ئەل ئەكبەر ئىبنى ئەل ھەنەفىيگە تۇتقۇزدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى ئوڭ قاناتقا، ئۆمەر ئىبنى ئەبۇ سەلەمەنى سول قاناتقا قويدى. ئەبۇ لەئلا ئىبنى ئامىر ئىبنى ئەل جەرراھنى تۇرشاۋۇل بېگى قىلىپ تەيىنلەپ، شامغا يۈرۈش قىلدى.
قۇسسەم ئىبنى ئابباسنى مەدىنىگە نائىب قىلىپ قويدى، ئاندىن ئۆزى تەيىنلىگەن مىسىر ۋالىسى قەيس ئىبنى سەئدكە، كۇفە ۋالىسى ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرىگە ۋە باسرا ۋالىسى ئوسمان ئىبنى ھۇنەيفكە خەۋەر يوللاپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بۆلگۈنچىلەرگە قارشى باشلاتقان ھەرىكىتىگە چاقىردى.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەزرىتى ئەلى ھەزرىتى ئوسماننىڭ قاتىللىرىنى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغانىدى ۋە ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە ۋەزىپە بەرمىگەنىدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ۋە تەلۋە كىشىلەر بار ئىدى. ھەزرىتى ئەلى بۇ باش ئاغرىقى ئىچىدە تۇرغان ۋاقىتتا، بىر توپ كىشىنىڭ مەككىدىن باسراغا كۆچكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى ۋە قوشۇننى باشلاپ دەرھال باسراغا قاراپ ئاتلاندى. بۇ كىشىلەر باسراغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسماقچى بولدى، ئەمما كېيىن قالغانىدى.
ھەزرىتى ئەلى ھەرىكەت يۆنىلىشىنى شامدىن باسراغا ئۆزگەرتكەن چاغدا، مەدىنىگە سەھل ئىبنى ھۇنەيفنى نائىب قىلىپ، قۇسسەمنى مەككىگە ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمەمۇ ھەزرىتى ئەلى بىلەن بىللە سەپەرگە چىقماقچى بولغانىدى، ئۇ بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئەلىگە مۇنداق دېدى: «اﷲ نىڭ ھۆكمىگە قارشى چىقمايدىغانلىقىمنى ۋە سېنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلمايدىغانلىقىڭنى بىلگەن بولسام، مەنمۇ سەن بىلەن بىللە ئاتلانغان بولاتتىم. ئەمما ساڭا ئوغلۇم ئۆمەرنى ئېلىپ كەلدىم، ئۇ سېنىڭ بىلەن بىللە بولسۇن، كۆرىدىغان كۈننى ئۇمۇ كۆرسۇن، تەقدىرىنى سەن بىلەن بىللە ياشىسۇن!»
دەرۋەقە، ئۆمەر ھەزرىتى ئەلى بىلەن بىللە سەپەرگە ئاتلاندى. ھەزرىتى ئەلى ئۇنى قوشۇننىڭ سول قانىتىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنى ھەمىشە يېنىدىن ئايرىمايتتى.
كېيىنچە ئۇنى بىر ۋەزىپە بىلەن بەھرەينگە ئەۋەتتى ۋە نېمە ئۈچۈندۇر كېيىن ئۇنىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.
بەزىلىرى ھەزرىتى ئەلىنىڭ سەپەرگە چىقماسلىقىنى، ئەگەر چىققان تەقدىردە قايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا پىدائىيلارنىلا ئەۋەتىشىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ پىدائىيلارغا باش بولۇپ سەپەرگە ئاتلىنىدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى. ھەزرىتى ئەلى مەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سەھل ئىبنى ھۇنەيف ئۇنىڭ ئورنىغا نائىب بولۇپ قالدى ۋە شەرىئەت ئەھكامىنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ نامىدا ئىجرا قىلىشقا تىرىشتى. ھەزرىتى ئەلى زى - قار دېگەن يەرگە يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردە باشقا ۋىلايەتلەردىن كېلىدىغان ياردەمچى قوشۇننى كۈتتى.
مىسىرنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدىن ۋالى قىلىپ تەيىنلەنگەن قەيس ئىبنى سەئد ئىبنى ئۇباد ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىغان ھالدا مىسىرغا كىردى. سابىق ۋالى ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئىبنى ئەبۇسەرھ ئۇ كېلىشتىن بۇرۇنلا ۋەزىپىسىنى تاشلاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇخۇزەيفە چىققانىدى. قەيس ئىبنى سەئد مىسىرغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆپچىلىك خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئۇچرىدى. پەقەت ئازغىنە كىشىلەرلا بەيئەت قىلمىدى. ئۇلار خەلقتىن ئايرىلىپ ھەربەتا دېگەن مەھەللىگە يىغىلىپ ماكانلاشتى ۋە ھەزرىتى ئوسماننىڭ قاتىللىرىنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. ئەمما ئۇلار ئىسيان چىقارمىدى ۋە ھېچكىم بىلەن زىددىيەت ـ توقۇنۇش ئىچىگە كىرمىدى. ۋالى قەيسمۇ ئۇلارغا چېقىلمىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەسلەمە ئىبنى مەھلەد، مۇئاۋىيە ئىبنى خۇدەيج، بەشىر ئىبنى ئەبۇ ئەرتائا ۋە باشقىلىرى بار ئىدى.
بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەلىدىن ئۇلارنى مەجبۇرىيي بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن مىسىر ۋالىسى قەيسكە ئەمر بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شۇنداق قىلغاندىلا مىسىر بۇ ئىختىلاپچىلاردىن تازىلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىش ئەمرىنى بەردى، ئەمما ۋالى قەيس ئۆز كۆز ـ قارىشىنىڭ تېخىمۇ توغرا ئىكەنلىكىگە قانائەت ھاسىل قىلىپ، مىسىردىن ئايرىلدى ۋە ھەزرىتى ئەلى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەدىنىگە قايتتى.
ئۇنىڭ ئورنىغا ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد چىقتى ۋە بۇ ئىختىلاپچىلارنى مەجبۇرىيي بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتتى. نىھايەت، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ۋالى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى بۇ ئىختىلاپچىلارغا قارشى تۇرالمىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەل ئەشتەر ئەن ناھئىنى تەيىنلىدى. ئەمما ئەل ئەشتەر ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغىلى مىسىرغا ماڭغان يولدا زەھەرلىنىپ ئۆلدى.
ھەزرىتى ئەلى بۇ قېتىم مىسىرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ تۇرۇش مەقسىتىدە مۇھەممەدنى قايتا ۋالىلىققا قويدى ۋە كۇفە خەلقىگە خەۋەر يوللاپ ئۇلارنى مۇھەممەدكە ياردەم بېرىشكە چاقىردى. ئەمما ھېچكىم چىقمىغاچقا، مەجبۇرىي بولسىمۇ كىچىك بىر قوشۇن ئەۋەتىلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ قوشۇن تېخى مىسىرغا بارماي تۇرۇپ ئەمر ئىبنى ئاس مۇئاۋىيەنىڭ نامىدا مىسىرنى ئىشغال قىلدى ۋە ۋالى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرىنى ئۆلتۈرىۋەتتى.
شۇنىڭ بىلەن، ھىجرىيەنىڭ 38 ـ يىلىدىن ئېتىبارەن مىسىر ۋىلايىتى ھەزرىتى ئەلى خەلىپىلىكىنىڭ سىرتىدا قالدى.
كۇفەگە كەلسەك، بۇ يەرنىڭ كونا ۋالىسى ئەبۇمۇسا ئەل ئەشئەرى ئىدى. ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولغاندىن كېيىن كۈفە خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ۋە يېقىنلىقى سەۋەبىدىن ئۆنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋەتمىدى. دەرۋەقە، ئەبۇمۇسا باشتىلا ئۆز نامى ۋە كۇفە خەلقىنىڭ نامىدىن ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلغانىدى.
ئەبۇمۇسا تىنچلىقپەرۋەر بولۇپ، زىددىيەت ـ توقۇنۇشنى ياقتۇرمايتتى. بولۇپمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق چىقىشىنى پەقەتلا خالىمايتتى.
ئەمما كۇفە خەلقىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايتتى. مەسىلەن، بەزىلىرى زۇبەيرنى قوللىسا، يەنە بەزىلىرى ھەزرىتى ئەلىنى قوللايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئەبۇمۇسا پۈتۈن خەلقنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمىدى. بەزى كىشىلەر مۇشۇنداق قىلىشنى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايتتى.
ھەزرىتى ئەلى ئەبۇ مۇساغا خەۋەر يوللاپ، ئۇنىڭ ئىختىلاپچىلارغا قارشى قاتتىق قول بولۇشىنى ئەمر قىلغان بولسىمۇ، ئۇ مىدىرلاپمۇ قويمىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى بىلەن مۇھەممەد ئىبنى جافەرنى ئەۋەتتى. ئەمما بۇنىڭمۇ پايدىسى بولمىدى. ئۇندىن كېيىن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس بىلەن ئەل ئەشتەرنى ئەۋەتتى. بۇنىڭدىنمۇ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئوغلى ھەسەن بىلەن ئامىر ئىبنى ياسىرنى ئەۋەتتى. ھەزرىتى ھەسەن كۇفە خەلقىگە ناھايىتى ئورۇنلۇق خىتاب قىلدى ۋە ئۇلارنى خەلىپىگە ياردەملىشىشكە چاقىردى. ئۇنىڭ خىتابى خەلققە بەكمۇ چوڭقۇر تەسىر قىلدى ۋە ئۇ مەدىنىگە قايتقاندا، بىر قانچە مىڭ كىشى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، مەدىنىگە كەلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى فىرات دەرياسىدىن ئۆتتى، يەنە بىر قىسمى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئىلگىرىلىدى، جەمئى سانى ئالتە مىڭ ئەتراپىدا ئىدى.
ئەل ئەشتەرمۇ ۋالى ئەبۇمۇسانى ۋالى مەھكىمىسىدىن چىقىشقا مەجبۇرلىدى. ئەبۇمۇسا كۇفەدىن ئايرىلىپ، مەككىگە كەتتى. بۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەلى قوشۇن بىلەن بىرلىكتە زى ـ قار دېگەن يەرگە يېتىپ كېلىپ، كۇفەدىن كېلىدىغان ياردەمچى قوشۇننى كۈتۈۋاتاتتى.
باسراغا كەلسەك، ھەزرىتى ئەلى باسراغا ئوسمان ئىبنى ھۇنەيفنى يېڭى ۋالى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. ئوسمان ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن باسراغا كەلگىنىدە، كونا ۋالى ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر باسرانى تەرك ئېتىپ، مەككىگە قاراپ يول ئالدى. شەھەر خەلقى بىر نەچچىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، سىياسىي ھاۋاسى ناچار ئەھۋالدا ئىدى.
كۆپ ئۆتمەي، مەككىدىن يولغا چىققان كۆچمەن كارۋىنى باسراغا يېتىپ كەلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كونا ۋالى ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر شەھەرگە مەخپىي قايتىپ كەلدى. يېڭى ۋالى ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللانماقچى بولدى، ئەمما ئەھۋال بەكمۇ چاتاق بولۇپ، شەھەر خەلقىنىڭ بىر قىسمى قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ۋالىغا ئىتائەت قىلمايۋاتاتتى، بىر قىسمى بۇ ئىشنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشنى خالىسا، يەنە بىر قىسمى ھەزرىتى ئوسماننىڭ قاتىللىرىنىڭ جازالاندۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلاتتى، ۋە يەنە بىر قىسمى ھەزرىتى ئەلىنى قوللايتتى.
دەل شۇ ۋاقىتلاردا، مەككىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر باسراغا كىردى. شەھەرنىڭ مىربەد دەپ ئاتالغان يېرىدە ھەرقايسى تەرەپ بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشتى. تەلھە ۋە زۇبەير ئالدى بىلەن مەككىدىن كەلگەنلەرنىڭ نامىدا سۆز قىلدى. ئەمما ۋالى ئوسمان ئىبنى ھۇنەيفنىڭ ئادەملىرى ئۇلارغا بەكمۇ قوپال مۇئامىلە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىپ، ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرى بىلەن تۇتۇشۇپ قالغىلى ئاز قالدى. ھەزرىتى ئائىشە بۇ ئىشقا ئارىلاشتى ۋە ۋالى ئوسماننىڭ تەرەپدارلىرىمۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى ھەزرىتى ئائىشە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. بۇلارنىڭ بېشىدا ھەكىم ئىبنى جەبەلە ئەل ئابدى بولۇپ، بۇ ئادەم ئۆكتىچىلەردىن بىرى ئىدى ۋە ئەينى ۋاقىتتا ھەزرىتى ئوسمانغا تىل تەگكۈزۈپ، پىتنە تېرىغانىدى. بۇ ئادەم ئىككى تەرەپنى بىر ـ بىرىگە كۈشكۈرتۈپ، ئەڭ ئاخىرى ئارىغا زىددىيەت سالدى.
زىددىيەت كۈچلىنىپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. ئەمما مۇسۇلمانلار پەسكويغا چۈشۈپ كېلىشىم ھاسىل قىلدى. چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىگە دۈشمەن كۆزى بىلەن قارىمايتتى. دەل ئەكسىچە، بىر ـ بىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى دەپ بىلەتتى. بۇ غەۋغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سىياسىي ئايرىمىچىلىقتىن كېلىپ چىققانىدى.
بۇ ئايرىمىچىلىق بەزىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يولدىن چىقىشىغا سەۋەبچى بولاتتى. نىھايەت، ئىككى تەرەپ مەدىنىگە ئەلچى ئەۋەتىپ تەلھە بىلەن زۇبەيرنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ياكى بېسىم بىلەن بەيئەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كېلىشتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە مەجبۇرىي بەيئەت قىلغانلىقى ئىسپاتلانسا، يېڭى ۋالى ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف ۋالىلىق ۋەزىپسىدىن چۈشۈپ كەتمەكچى؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن بەيئەت قىلغانلىقى ئىسپاتلانسا، مەككىدىن كەلگەن ئىشغالچىلار باسرادىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى. ئەلچى مەدىنىدىن قايتىپ كەلگىچە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى تۇرغان يەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا مەسئۇل بولىدىغان، زۇبەير ۋە تەلھە خالىغان يەرگە بارىدىغان، جامائەتكە ئوسمان ئىبى ھۇنەيف ئىماملىق قىلىدىغان، دۆلەت خەزىنىسى ۋە باسرانىڭ رەھبەرلىكى ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىغان بولۇپ كېلىشتى.
مەدىنىگە كەئب ئىبنى سەۋر ئەلچى بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇ مەدىنىدە تەلھە ۋە زۇبەيرنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە قانداق شەرت بىلەن بەيئەت قىلغانلىقىنى شۇنچە سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، ئۆزىگە قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرگۈدەك بىرىنى تاپالمىدى. ئەمما ئۇسامە ئىبنى زەيد ئۇلارنىڭ بېسىم ئاستىدا بەيئەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ناھايىتى چوڭ قالايمىقانچىلىق چىققىلى ئاز قالدى. چۈنكى خەلق يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقنىڭ بېسىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغان كۈنلەردە، بۇ سۆزنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايتتى. كەئەب باسراغا قايتىپ بېرىپ، ئۆزى ئاڭلىغانلارنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەت يەنە جىددىيلەشتى.
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ھەزرىتى ئەلى باسرا ۋالىسى ئوسماننى تەنقىدلەپ: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا تەپرىقچىلىق چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەلھە بىلەن زۇبەيرنىڭ بەيئەت قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىلگەنىدى» دېدى.
شۇ ئىشتىن كېيىن، ۋالى ئوسمان ئىبنى ھۇنەيفنىڭ تەرەپدارلىرى ئازىيىپ، ئۇنى قوللايدىغانلار قالمىدى. ئۇلارنىڭ سېپىگە يوشۇرۇن كىرىۋالغان ئۆكتىچىلەرمۇ ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ بەدنىيەتلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، زىندانغا قامىدى ۋە ئۇنىڭ قاش ـ ساقاللىرىنى پۈتۈنلەي يۇلۇپ تاشلىدى. ئاندىن ئۇنى باسرادىن قوغلىۋەتتى. ئوسمان باسرادىن ھەزرىتى ئەلىنىڭ قارارگاھى زى ـ قارغا يېتىپ كەلدى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ بۇ ئىشتىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ قالدى ۋە ئۆلتۈرۈلمىدى. چۈنكى ئۇ ھېچبىر تەرەپنىڭ دۈشمىنى ياكى ئۇرۇش جىنايەتچىسى ئەمەس بولۇپ، ساپ دىل كىشى ئىدى. ئەمما ئۆزىنىڭ تەرەپدار ۋە قوللىغۇچىلىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىشتا قارشى تەرەپكە مەغلۇپ بولدى ۋە بىر نەچچە چۈپرەندىنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچراپ، شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
ئەگەر بۇ ئىختىلاپ بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ خاتا تەسەۋۋۇر قىلغىنى بويىچە بولغان بولسا، ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف چوقۇم ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئەسىرگە ئېلىنغان بولاتتى. چۈنكى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇمۇ بىر تەرەپنىڭ لىدىرى ئىدى.
ئۇ باسرادىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، خەلققە (مەككىنىڭ بۇرۇنقى ۋالىسىنىڭ ئوغلى) ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەتتاب ئىبنى ئۇسەييىد ۋالى بولدى ۋە شەھەر مەككىدىن كەلگەن ئىشغالچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.
ئەينى ۋاقىتتا، باسرادىن مەدىنىگە بېرىپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ قەتلى قىلىنىشىغا قاتناشقان ئاسىيلارنىڭ (ھەرقۇس ئىبنى زۇھەير ئەل ئادىيدىن باشقا) ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا، ئاسىيلارنىڭ كاتتىبېشى ھەكىم ئىبنى جەبەل ئەل ئابدىمۇ بار ئىدى. قاتىللارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىغا يەتمىدى، ئەكسىچە، ئېچىشقان يارىغا تۇز سەپكەندەك بولۇپ، قاتىللار مەنسۇپ بولغان قەبىلىلەرنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.
بەنى ئابدۇلقەيس قەبىلىسىمۇ بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ھەكىم ئىبنى جەبەلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئىسيان كۆتۈرۈپ، ھەزرىتى ئەلىگە قارشى يۈرىدى. ھالبۇكى، ھەزرىتى ئەلى ئۆز كۆڭلىدە بۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى شۇنچە ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئەمر ـ پەرمان چۈشۈرمىگەنىدى. چۈنكى ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشماي تۇرۇپ، ئالدىراقسانلىق بىلەن قارار بېرىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
باسرانى ئىشغال قىلغان كۈچلەر ھەزرىتى ئوسماننىڭ باشقا قاتىللىرىنى جازالاش ئۈچۈن باشقا شەھەرنىڭ مەسئۇللىرىغىمۇ خەۋەر يوللىدى. ھەزرىتى ئەلى بۇ ۋەقەنى تىنجىتىش مەقسىتىدە ئەل قەئقە ئىبنى ئامىر ئەت تەمىمىنى باسراغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ ئەلچىسى ھەزرىتى ئائىشە، تەلھە ۋە زۇبەيرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا پىتنىچىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن خەلقنىڭ پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ ئىنتىقام ھەرىكەتلىرى ھەممە يەردە ئېلىپ بېرىلسا، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
ئۇلار ئەل قەئقەدىن بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا سوئال سورىدى. ئەل قەئقە ئۇلارغا: «بۇ يارىنى ساقايتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ۋەزىيەت ئوڭشىلىپ، خەلق بىر ـ بىرىگە ئىشەنچ باغلىغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ پىتنىگە سەۋەب بولغانلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز لازىم. مەن مۇشۇنداق دەۋاتىمەن، ئەمما مەنچە اﷲ بۇ ئۈممەتتىن ئالىدىغىنىنى تولۇق ئېلىپ بولمىغىچە، بۇ پىتنە ئاسانلىقچە بېسىقمايدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى بۇ پىتنە بەكمۇ كەڭ يېيىلىپ كەتتى ۋە خەلق ناھايىتى چوڭ بالا ـ قازاغا مۇپتىلا بولدى» دەپ جاۋاب بەردى.
قەئقەنىڭ سۆزى ئۇلارغا ياقتى. ئۇلار: «ئەگەر ھەزرىتى ئەلىمۇ مۇشۇنداق دەپ قارىسا، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە رازى» دېيىشتى. قەئقە باسرادىن قايتىپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەلىگە ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەتنى يەتكۈزدى. ھەزرىتى ئەلى بۇ ئىشقا بەكمۇ سۆيۈندى. كۆپ ئۆتمەي، باسرادىن ھەزرىتى ئەلىنىڭ زى ـ قاردىكى قارارگاھىغا ھەيئەتلەر كەلدى. ۋەزىيەت مۇقىملىشىپ، بەنى مۇدار، بەنى رابىئە، يەمەنلىكلەر قاتارلىق ھەر تەرەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن خەلق توپى بىر ـ بىرى بىلەن بىرلىشىشكە ۋە ھەممەيلەن ئىتتىپاقلىشىشتىن سۆز ئېچىشقا باشلىدى. خەلق ئىشلارنىڭ ئاستا ـ ئاستا ئىزىغا چۈشۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشتى. ئۇلارغا نىسبەتەن پۈتۈن ئۈممەتنىڭ بىرلىشىشىگە ناھايىتى ئاز ۋاقىت قالغانىدى. باسرالىقلار ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەزرىتى ئەلىنى چاقىردى. ھەزرىتى ئەلىمۇ ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا جاۋابەن ھەرىكەتلەندى ۋە ئۆز قول ئاستىدىكىلەرگە: «ئەي خالايىق! ھەزرىتى ئوسماننىڭ شېھىت قىلىنىشىغا ئارىلىشىپ قالغانلار ھەرگىز بىز بىلەن بىللە بارمىسۇن!» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىغىمۇ سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ھەزرىتى ئوسماننىڭ پىتنە ـ پاساتچى قاتىللىرى ئەگەر بىرلىشىپ قالسا، ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم زىيان تارتىدىغانلىقىنى ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئۇلار: «نېمە ئۈچۈن ئۆز گورىمىزنى ئۆزىمىز كولىغۇدەكمىز؟» دېيىشىپ، دەرھال يېڭى بىر پىتنە تېپىش ئۈچۈن ئۆز ئارا مەخپىي ئۇچرىشىشقا باشلىدى.
ئۇلارنى تەشكىللىگەن يەمەنلىك مەشھۇر كاتتىباش يەھۇدىي ئابدۇللاھ ئىبنى سەبە ھېچقايسىنىڭ پىكرىنى قوبۇل كۆرمىدى. نىھايەت، ئۇلار ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىگە يېقىنلاپ كەلگەندە بىر باھانە تېپىپ ئارىدا زىددىيەت پەيدا قىلىش ئارقىلىق قايتا پىتنە تېرىشقا قارار بەردى.
ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇنلىرى بىر ـ بىرىگە يېقىن يەرگە كېلىپ قارارگاھ قۇرۇشتى. ھەزرىتى ئەلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى تەلھە ۋە زۇبەيرگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ مۇھەممەد ئىبنى تەلھەنى ھەزرىتى ئەلىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى.
ئۇ كېچە ئىتتىپاقلىشىش سۆھبەتلىرى بىلەن تىنچلىق ئىچىدە ئۆتتى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ قارارگاھى باسراغا يېقىن بولۇپ، باسرالىقلارنىڭ قارارگاھىمۇ ئۇنىڭ چېدىرىغا يېقىن بىر يەردە ئىدى. پىتنىچىلەر دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئاۋۋال ئەرزىمەس باھانىلەر بىلەن ئىككى تەرەپ بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا غەۋغا چىقاردى. بالىلارنىڭ كەينىدىن قۇللار ئارىلاشتى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىن چۈپرەندە ئىنسانلار ئىشنى ئۇلغايتتى.
پىتنىچىلەر بۇ تەرەپلەرنىڭ ھېچبىرىدە يوق ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ۋە پىلانلىرىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ غەۋغالارنىڭ ئىچىگە قەتئىي كىرمەي، ئاستىرتتىن كۆزىتىپ تۇردى.
نىھايەت، بۇ ۋەقە شۇنداق يوغىناپ كەتتىكى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى بىر ـ بىرىگە ھۇجۇم قوزغاش ئۈچۈن ئۇرۇش تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەلى ئارىدىكى بوش مەيدانغا چىقىپ، تەلھە بىلەن زۇبەيرنى يېنىغا چاقىردى ۋە زۇبەيردىن: «سەن رەسۇلۇللاھنىڭ ساڭا: “سەن (ھەقسىز بولساڭمۇ) ئەلى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىسەن…” دېگەنلىكى يادىڭدىمۇ؟» دەپ سورىدى. بۇنى ئاڭلىغان زۇبەير قىلغان ئىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى ۋە: «شۇنداق يادىمدا، ئەگەر بۇرۇنراق يادىمغا كەلگەن بولسا، بۇ يەرلەرگىچە كەلمىگەن بولاتتىم» دېدى ۋە ئۇ يەردىن چىقىپ كۆزدىن غايىب بولدى.
مىڭ ئەپسۇس، جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون كىشىنىڭ بىرى بولغان بۇ چوڭ ساھابە ۋادىس سىبا (شىرلار ۋادىسى) دېگەن يەرگە كەلگەندە ئىبنى جۇرمۇز ئىسىملىك بىر قانخورنىڭ سۇيىقەستى بىلەن شېھىت بولدى.
سەبە تەشكىللىكىدىكى پىتنىچىلەر ئاخىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ـ بىرىنى قىرغىن قىلىدىغان ئۇرۇشنى باشلىتىشقا مۇۋەپپەق بولدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەرقايسى تەرەپلەرگە قورال تاشلاش ھەققىدە ئەڭ ئاخىرقى چاقىرىقىنى قىلدى. ئەمما ئىش ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ كونتروللىقىدىن چىقىپ بولغانىدى. ئىككى قوشۇن بىر ـ بىرىگە قاراپ ئېتىلدى. باسرا قوشۇنى 30 مىڭ كىشىدىن ئارتۇقراق بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوماندانلىقىدىكى كۇفە قوشۇنىنىڭ سانى 20 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى.
تارىخ، ھىجرىيەتنىڭ 36 ـ يىلى جەمادىيەلئاخىر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى.
ھەزرىتى ئائىشە مىنىۋالغان تۆگىنىڭ ئالدىدا قانلىق جەڭ يۈز بەردى. تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇۋالغان ھالدا، ھەزرىتى ئائىشەنى قوغداۋاتقان 70 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. ئاخىرىدا، ھەزرىتى ئائىشەنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تۆگىسىنىڭ پۇتلىرى چېپىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئۇرۇش ئاستا ـ ئاستا پەسكويغا چۈشتى. بۇ ئۇرۇشتا باسرالىقلار يېڭىلدى.
تەلھە ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، يارىسىدىن توختىماي قان ئاقاتتى. باسرالىقلار ھەزرىتى ئائىشەنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھالەفنىڭ ئۆيىگە يۆتكىدى. بۇ، بەكمۇ ئېچىنىشلىق بىر پاجىئە ئىدى.
تارىخچىلارغا ئاساسلانغاندا، باسرا قوشۇنىدىن ئون مىڭ، ھەزرىتى ئەلى قوشۇنىدىن بەش مىڭ كىشى شېھىت بولغانىدى. بىز تارىخچىلار تەرىپىدىن بەكمۇ ئېچىنىشلىق تەسۋىرلەنگەن بۇ ئۇرۇشنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ، بۇ ئۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن ئىككى دۈشمەن تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەنلىكىگە ياكى ئەسلىدە بىر ـ بىرىگە قېرىنداش تۇرۇپ دەماللىققا شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۆز ھېسسىياتىغا بېرىلىپ كەتكەن ۋە كېيىنچە ھوش ـ كاللىسىنى يىغىۋالغان ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەنلىكىگە باھا بېرىپ باقايلى. بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.
ھەممىدىن بۇرۇن، ھەزرىتى ئەلى تەرەپدارلىرىنىڭ باسرا قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلغان تەلھە، زۇبەير ۋە ھەزرىتى ئائىشەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە مۇئامىلىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى:
ئۇرۇش راسا قىزىغان بىر پەيتتە، ھەزرىتى ئەلى قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان قەئقە ئىبنى ئامىر ئەل تەمىمى باسرا قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرىدىن تەلھە بىلەن يۈزمۇيۈز كېلىپ قالدى. تەلھە يارىلانغانىدى. قەئقە ئۇنىڭغا: «ئەي ئەبۇمۇھەممەد! يارىلىنىپسەنغۇ؟ مەنچە سەن بىر پاناھ جاي تاپقىن!» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئويلاپ باقايلى، بىر قوشۇننىڭ قەھرىمانى ئۆزىنىڭ قارشىسىدىكى قوشۇننىڭ قوماندانىنى يارىلانغان ھالدا ئۇچراتسا، ئۇنىڭغا بېرىپ ئارام ئېلىشىنى، يارىسىنى تېڭىپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلامدۇ ياكى دەرھال ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدۇ؟
ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىبنى جەرمۇز قىلتاققا دەسسىدى ۋە ھەزرىتى ئەلىگە خۇشخەۋەر يەتكۈزمەكچى بولۇپ ئىشىك ئالدىدىكى قاراۋۇلغا ئۆزىنى: «زۇبەيرنىڭ قاتىلى كەلدى، قانداق؟» دەپ تونۇتتى. ھەزرىتى ئەلى قاراۋۇلغا: «كىرسۇن، ئەمما ئۇنىڭغا جەھەننەمگە كىرىدىغانلىقى ھەققىدە خۇشخەۋەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئاندىن ئېلىپ كىرگىن!» دەپ جاۋاب بەردى.
بۇمۇ ئويلىشىپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر ۋەقە. ئەجىبا بىر قوماندان ئۆز دۈشمىنىنىڭ قوماندانى ئۆلتۈرۈلسە، بۇ ئىشقا سۆيۈنەمدۇ ياكى: «كىم ئۇنى ئۆلتەرسە، شۇ جەھەننەمگە كىرىدۇ!» دەپ ئۇنىڭ قاتىلىغا بولغان نەپرىتىنى ئېنىق ئىپادىلەمدۇ؟
ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى ھەزرىتى ئائىشەنى يوقلىدى. ئۇنىڭغا قارشى سۆز ـ چۆچەك تارقاتقانلارنى جازالىدى. رەجەب ئېيىنىڭ باشلىرىدا، ھەزرىتى ئائىشەنى قېرىندىشى مۇھەممەد بىلەن بىللە ئۇزىتىپ قويغان ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا لايىقىدا ھۆرمەت كۆرسىتىشىنى تەۋسىيە قىلدى. ۋە: «ھەزرىتى ئائىشە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىق ئايالىدۇر» دېدى. ئاندىن ئۇنىڭ قولىغا كۆپ مىقداردا پۇل بېرىپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشكە تىرىشتى ۋە بىر توپ ئايالنى ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى قىلىپ تەيىنلىدى.
ھەزرىتى ئەلى ئابدۇللاھ ئىبنى ھالەفنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھەزرىتى ئائىشەنى يوقلىغان ۋاقىتتا، ئۆينىڭ باشقا ھۇجرىلىرىدا ئۇنىڭ قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ يارىلانغان باسرالىق ئەسكەرلەر بار ئىدى. ھەزرىتى ئەلى گەرچە بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولسىمۇ، ھېچ بىلمەسكە سېلىۋېلىپ، ئاجايىپ ئالىيجاناپلىق قىلغانىدى.
چۈنكى، ئەسلىدە ئۇلار بىر ـ بىرىگە ھەقىقىي دۈشمەن ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي دۈشمەن بولغان بولسا، تېخىمۇ پاجىئەلىك ئىشلار يۈز بەرگەن بولاتتى.
ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئەلى ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن (ھەقىقىي دۈشمەنلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردىن تامامەن پەرقلىق سىياسەت يولغا قويۇپ) ئەسكەرلىرىگە ئۇرۇشتىن قاچقانلارنىڭ كەينىدىن قوغلىماسلىق، يارىدارلارنى ئۆلتۈرمەسلىك، ھېچبىر ئۆيگە بېسىپ كىرمەسلىك، ھېچكىمنىڭ مېلىنى مۇسادىرە قىلىۋالماسلىق، ئايال ـ بالىلارغا، قولىدا قورال بولمىغانلارغا ۋە ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلارغا قورال تەڭلىمەسلىك ھەققىدە قاتتىق تەنبىھ بەرگەنىدى.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىيجاناپ قېرىنداشلىق ھېس ـ تۇيغۇسىنىڭ دەلىللىرى ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ، ئۇلارنى بىر ـ بىرىگە قارىمۇقارشى قىلىپ قويغانىدى.
ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە خاس كۆز قارىشى بار ئىدى. بىز ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سەمىمىي نىيەت بىلەن پەقەت ھەقنى تەجەللى قىلدۇرۇش يولىدا ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولغانلىقى ئۈچۈن اﷲ تائالانىڭ ئۇلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز.
ئۇرۇش ئاياغلىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى باسراغا ۋالى قىلىپ تەيىنلىدى. باسرا خەلقى ھەزرىتى ئەلىگە بۇرۇنلا بەيئەت قىلىپ بولغانىدى. ھەزرىتى ئەلى شۇ كۈنى شامغا قاراپ ھەرىكەتلەندى.
شامنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، بۇ يەرنىڭ ۋالىسى تا ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدىن ئېتىبارەن مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇسۇفيان بولۇپ، ئۇنىڭ خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، خەلق ئۇنى بەكمۇ ياقتۇراتتى. مۇئاۋىيە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلغانىدى، خەلقمۇ ئۇنىڭغا شەرتسىز بويۇن ئېگەتتى. بەزىدە مۇئاۋىيە سەل ـ پەل قوپال تېگىپ قالسىمۇ، ئۇلار يەنە ساداقەتمەنلىك بىلەن بويۇن ئېگەتتى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مۇئاۋىيە خەلق بىلەن ئىچقويۇن ـ تاشقويۇن بولۇپ كەتكەنىدى.
شام خەلقى ئۆزلىرىگە مۇئاۋىيەدىن باشقىسىنىڭ ۋالى بولۇشىنى خالىمايتتى. مەدىنىدە پىتنە چىقىپ، ئاسىيلار شەھەرنى كونترول قىلىۋىلىۋېلىپ، خەلىپىنى ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، نۇمان ئىبنى بەشىر خەلىپىنىڭ قانلىق كۆينىكى بىلەن، ئايالىنىڭ بارماقلىرىنى شامغا ئېلىپ كەلدى ۋە شام خەلقىگە كۆرسەتتى. شام خەلقى تەۋرەپ كەتتى، خەلىپىنىڭ قانخورلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە بەكمۇ ئېچىندى ۋە ئاھ ئۇرۇپ يىغلاشتى. ياشىنىپ قالغان خەلىپە رەزىل ۋە پەسكەش قانخورلارنىڭ قولىدا بەكمۇ قەبىھ شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېچكىم قاتىللارنىڭ جازاسىنى بېرەلمەيۋاتاتتى، بۇزۇلغان ئىنتىزام تەرتىپكە چۈشمەيۋاتاتتى. چۈنكى بىر توپ ئۆكتىچى مەدىنىنى ئىشغال قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ھىجرەت يۇرتىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانىدى.
شۇنى ئۇنۇتماسلىق لازىمكى، مەدىنىدىن چىققان خەۋەرنىڭ شامغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن بىر ئاي، شامدىن مەدىنىگە قايتىشى ئۈچۈن يەنە شۇنچىلىك ۋاقىت كېتەتتى. بۇقەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە، ئەلۋەتتە، يېڭى ـ يېڭى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇراتتى ۋە ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ يەنە شۇنداق ۋاقىت ئاۋارىچىلىقى كېلىپ چىقاتتى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرمۇ شامغا ئەنە شۇ شارائىتلاردا يەتكۈزۈلدى.
ئەمما ساھابىلەردىن ئۇسامە ئىبنى زەيد، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە، ھاسان ئىبنى سابىت، زەيد ئىبنى سابىت، كەئاب ئىبنى مالىك ۋە كېڭەش ئەزاسى سەئد ئىبنى ئەبۇۋەققاس قاتارلىقلار ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلمىدى. ئۇندىن باشقا كېڭەش ئەزالىرىدىن تەلھە ۋە زۇبەيرمۇ ھەزرىتى ئەلىگە مەجبۇرىي بەيئەت قىلدى.
ئۇ كۈنلەردىكى كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە قىلىپ مۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇ: ئەلى ــ خەلىپىلىككە نامزات. تەلھە بىلەن زۇبەير ــ ھەزرىتى ئەلىگە مەجبۇرىي بەيئەت قىلدى. سەئد ئىبنى ئەبۇۋەققاس ــ ھەزرىتى ئەلىگە پەقەتلا بەيئەت قىلمىدى.
مەسىلىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ چىقساق، تۆۋەندىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز: ھەزرىتى ئەلى ۋەزىيەتنى تېخى تولۇق كونترول قىلىپ بولالمىغاچقا، ھەزرىتى ئوسماننىڭ قاتىللىرىنى جازالىيالمايتتى. چۈنكى قاتىللار مەدىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى. شامغا يېتىپ بارغان خەۋەرلەر مانا مۇشۇنداق بولۇپ، مۇئاۋىيە ئەھۋالنىڭ مانا مۇشۇنىڭدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتى. بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان مۇئاۋىيە ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلىش ئۈچۈن مەلۈم مەزگىل كۈتۈشى كېرەكلىكىنى ئويلاشتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەم ئۆزى ھەم شام خەلقى ھەزرىتى ئوسماننىڭ قەتلى قىلىنىشىغا قاتتىق ئېچىنماقتا ئىدى. شۇنداقلا، ئۇممەتنىڭ بەزى مۆتىۋەرلىرى پىتنىگە ئارىلاشماسلىق ئۈچۈن مەدىنىنى تەرك ئېتىپ مەككىگە ماڭسا، يەنە بەزىلىرى مەدىنىدە تۇرۇپ ئاسىيلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتاتتى. شامغا كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ ئىچىدە مانا بۇلارمۇ بار ئىدى.
كۆپ ئۆتمەي، يېڭى خەلىپە ھەر قايسى ۋىلايەتلەرگە يېڭى ۋالىلارنى تەيىنلەپ ئەۋەتىشكە باشلىدى. شامغا سەھل ئىبنى ھۇنەيفنى ۋالى تەيىنلەپ، مۇئاۋىيەنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. ئەمما يېڭى ۋالى شام چېگرىسىدىن كەينىگە ياندۇرۇلدى. چۈنكى مۇئاۋىيە مەلۇم مەزگىل ۋەزىيەتنى تىڭ ـ تىڭلاپ بېقىش قارارىغا كەلگەنىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مۇئاۋىيە ھەزرىتى ئەلىگە قارشى چىققان بىر توپ كىشىنىڭ مەككىدىن باسراغا قاراپ يولغا چىققانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بېشىدا تەلھە، زۇبەير، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى.
بۇ خەۋەردىن ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقنى تېخى تولۇق قولىغا ئېلىپ بولالمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. شۇڭا مۇئاۋىيە يەنە بىر مەزگىل كۈتۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە شۇنداق قىلدى. شام خەلقىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە داۋاملىق كۈتەتتى.
بۇ كۈنلەردە، (سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك) باسرا ۋەقەلىرى بولۇپ ئۆتتى. جەمەل ئۇرۇشى پارتىلىدى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئېغىر قايغۇغا سالىدىغان ۋەقەلەر يۈز بەردى. ئارقا ـ ئارقىدىن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر مۇئاۋىيەنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلىشىنى كېچىكتۈرۈشكە سەۋەب بولاتتى. مۇئاۋىيە ۋە ئۇنىڭ قېشىدىكىلەرنىڭ ئىدىيىسى، كۆز قارىشى مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىدىيىسى بۇنىڭدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇ مۇئاۋىيەنى خەلىپە تەرىپىدىن سايلانغان ۋالى دەپ بىلەتتى. شۇڭا خەلىپە ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغاندا، ئۇ دەرھال ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، ئەگەر خەلىپە ئۇنى ئۆز ۋەزىپىسىگە قويسا، ئۇ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى.
ۋالى «يولباشچى» (خەلىپە) ئەمەس، بەلكى «ئەگەشكۈچى» (خەلىپىگە بويسۇنغۇچى) بولغاچقا، ۋالىنىڭ ۋەزىپىسى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە خەلىپىگە بەيئەت قىلىش ئىدى. بولۇپمۇ، مەدىنە خەلقىنىڭ خەلىپىگە بەيئەت قىلىشى خەلىپە ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئىدى (مەدىنە خەلقى ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلدى). ئۇنداق بولغانىكەن، بۇ ئىشنى سەۋەبسىزلا كەينىگە تارتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئۇ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ئىش قىلغىلى كېڭەش ئەزاسى بولمىسا يا؟ خەلىپە ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانىكەن، ئۇ چوقۇم خەلىپىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشى لازىم ئىدى.
مانا بۇلار، ھەزرىتى ئەلىنىڭ مۇئاۋىيە ھەققىدىكى كۆز قارىشى بولۇپ، توغرىسىمۇ مۇشۇ ئىدى. چۈنكى ۋەزىيەتنىڭ تېخى پەسكويغا چۈشمىگەنلىكىنى ۋە ئاسىيلارنىڭ مەدىنە ۋە دۆلەتنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغانلىقىنى بىلگەن ھەر بىر ئۈممەت ھەممىدىن بۇرۇن خەلىپىگە بەيئەت قىلىپ، ئۇنى قوللىشى لازىم ئىدى.
بۇ ئاسىيلار خەلق ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىققا ئىگە بولغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغاندىن كېيىنلا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتاتتى ۋە سەپلىرى چۇۋۇلۇپ تارقىلىپ كېتەتتى. شۇندىلا خەلىپە ھۆكۈمرانلىقنى قولىغا ئېلىپ، بۇ ئاسىيلارنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرەلەيتتى. ئەمما ھازىرچە ئۆكتىچىلەر كۈچلۈك بولۇپ، مەدىنىدە خالىغان ئىشىنى قىلالايتتى. شۇڭا ئۇلارنى جازالاندۇرۇشمۇ بەك تەس ئىدى. ھەتتا مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۇلارنى جازالاندۇرماقچى بولسا، ئۇلار خەلىپىگە چوقۇم قارشىلىق بىلدۈرۈپلا قالماي، ئۇنىڭ ۋە مەدىنە خەلقىنىڭ جېنىغا قەست قىلىشتىنمۇ يانمايتتى.
بۇمۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ كۆز قارىشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى پىتنىدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە مۇشۇنداق ئويلىغانلىقى ئۈچۈن اﷲ تىن كاتتا ئەجىر ۋە ساۋاب تىلەيمىز.
شام ۋالىسىنىڭ بۇ خەتەرلىك پەيتتە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەزرىتى ئەلىنىڭ كۆڭلىگە ياقمىدى. چۈنكى ۋالى خەلىپىنىڭ ئەمرىگە چوقۇم بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ۋالى ئۇنداق قىلىپ تۇرۇۋالسا، خەلىپىمۇ ھەقنىڭ تەجەللى قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارىتا قاتتىق مۇئامىلە قىلىشتىن يانمايتتى. چۈنكى ھەزرىتى ئەلىنىڭ نەزىرىدە بۇنداق كىشىلەرگە يۇمشاق قوللۇق قىلىش ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئىدى. شۇڭا ئىشلارنى ئۆز يولىغا سېلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتلىنىش ۋە شامغا يۈرۈش قىلىش كېرەك ئىدى.
دەرۋەقە، ھەزرىتى ئەلى بىر قوشۇن تەييارلىدى. ئەمما شامغا يۈرۈش قىلىش ئالدىدا، مەككىدىن كەلگەن شۇم خەۋەر سەۋەبى بىلەن يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى ۋە قوشۇننى باشلاپ ئىراققا يۈرۈپ كەتتى. قوشۇن باسراغا يېقىنلاشتى ۋە ئۇ يىلى جەمادىيەلئاخىر ئېيىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا جەمەل ۋەقەسى يۈز بەردى. ئۇرۇشتىن كېيىن ھەزرىتى ئەلى باسراغا كىرىپ، شەھەر ئىنتىزامىنى تۈزەتتى. ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەندىن سىرت، ئۇرۇش چىقىمىغا ئۇچرىغانلارغا ئىگە چىقتى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ كىشىلىرىگە خەير ـ ئېھسان قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى باسراغا ۋالى قىلىپ، ئۆزى شامغا قىلىدىغان يۈرۈشنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن كۇفەگە قاراپ يولغا چىقتى.
ھەزرىتى ئەلى ھىجرەتنىڭ 36 ـ يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا كۇفەگە يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئۇرۇشقا تۆت ئاي تەييارلىق قىلدى ۋە ئەسكەر توپلىدى.
ھەزرىتى ئەلى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا پەقەتلا ئىچ ئاغرىتمايتتى. بۇ ئۇنىڭ ئادىتى بولۇپ، ھاياتى بويىچە داۋاملاشقانىدى. ئالدىغا قانچىلىك توسالغۇلار چىقسا چىقسۇن، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر بولۇپ، توغرا يولدىن ھەرگىز چەتنىمەيتتى. ئۇنىڭ ھەمراھلىرىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۆز رەئىسلىرىنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس غايىلىرى ئۈچۈن ئۆز راھەت - پاراغەتلىرىنى قەتئىي ئويلاشمايتتى.
ھەزرىتى ئەلى ئاۋۋال جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل بۇجەلىنى ئەلچى قىلىپ مۇئاۋىيەگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە بەيئەت قىلىشىنى ۋە ھەممەيلەن قوبۇل قىلغان خەلىپىلىكنى ئۇنىڭمۇ قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما مۇئاۋىيە ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. جەرىر ئۇنىڭ يېنىدىن نەتىجىسىز قايتتى.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھەمراھلىرىدىن بەزىلىرى مۇئاۋىيەنىڭ دەرھال جاۋاب بېرىشىنى كۈتكەنىدى. شۇڭا جەرىرنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى تولۇق بەجا كەلتۈرمىگەنلىكى ھەققىدە بەزى تەنقىدلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.
ھەتتا ئەشتەر ئاۋازىنى جەرىر ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ تاپا ـ تەنە قىلدى. بۇ سۆزلەردىن قاتتىق رەنجىگەن جەرىر قارارگاھنى تەرك ئەتتى ۋە ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھابۇر ئۆستىڭى بىلەن فىرات دەرياسى بىرلىشىپ كېتىدىغان يەردىكى قەرقىسە شەھىرىگە كەتتى.
كۆپ ئۆتمەي، مۇئاۋىيە ھەزرىتى ئەلىگە ئەبۇمۇسا ئەل خولانى قاتارلىق بىر نەچچە ئەلچى ئەۋەتتى. بۇ ئەلچىلەرمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. بۇ نەتىجىسىزلىكلەردىن ئىچى پۇشقان ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھەمراھلىرى يەنە ۋاقىت ئۆتكۈزمەي مۇئاۋىيەنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، زۇلھىججە ئېيىنىڭ باشلىرىدا، ھەزرىتى ئەلىنىڭ تۇرشاۋۇللىرى شام تۇپراقلىرىغا ئاياق باستى.
ئەمما ھەزرىتى ئەلى ئۆز قوماندانلىقىدىكى قوشۇنغا باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قورال تەڭلىشىدىن بۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكىنى ئەمر قىلدى. مۇئاۋىيەمۇ ھەزرىتى ئەلى قوشۇنىنىڭ ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى تۇيۇپ، دەرھال شام قوشۇنىنى باشلاپ، سىففىن دېگەن يەرگە يېتىپ باردى. ئۇ قوشۇنىنى فىرات دەرياسىنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنالايدىغان بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنلىرى بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندە ئىچكۈدەك سۈيىمۇ قالمىغانىدى. ھەزرىتى ئەلى مۇئاۋىيەدىن ھەر ئىككى قوشۇننىڭ سۇدىن خالىغىنىچە پايدىلىنىشىغا توسالغۇ بولماسلىقىنى تەلەپ قىلدى، ئەمما مۇئاۋىيەدىن بىر جاۋاب چىقمىدى. ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى يەنە ئارىدا سۈركىلىش پەيدا قىلدى ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئىراق قوشۇنى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، مۇئاۋىيە قوشۇنىنى چېكىندۈردى. ئەمما ھەزرىتى ئەلى ھەر ئىككى قوشۇننىڭ سۇدىن تەڭ پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن، ھەر ئىككى قوشۇن دەريانىڭ بويىغا ئورۇنلىشىپ، بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئىككى قوشۇننىڭ ئەسكەرلىرى سۇ ئالغىلى بارغان يەردە بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالاتتى، بەزىلىرى پات ـ پات كۆرۈشۈپ تۇراتتى ۋە بەزىلىرى بىر چىرايلىق ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشەتتى، مۇنازىرىلىشەتتى.
تارىخچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ بىر ـ بىرىگە قاتتىق دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىغانلىقى ۋە ئۆزئارا ئۇرۇشۇش ئۈچۈن ھەر دائىم بىر ـ بىرىگە خىرىس قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇپ بايان قىلغان مەلۇماتلىرىنى ئوبدانراق ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەك. چۈنكى بۇ پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ پەقەت پىكىر ئايرىمىچىلىقىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى بىر ـ بىرىگە نىسبەتەن قېرىنداشلىق ھېس ـ تۇيغۇسى بىلەن تولغانىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ پىكىر ئايرىمىچىلىقى تۈپەيلىدىن بىر ـ بىرىگە بولغان قېرىنداشلىق مېھرىنى ئوچۇق ـ ئاشكارە ئىپادە قىلالمايتتى.
قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش باشلاندى. ئەمما ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە بىر ـ بىرىگە ھۇجۇم قىلمايتتى ۋە بىر ـ بىرىنى قىرىپ تاشلاشقا ئۇرۇنمايتتى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قوماندانلىق مەركەزلىرىمۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇ قەدەر شىددەتلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلاتتى. چۈنكى، ئەسلى مەقسەت بۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قايسى تەرەپتىن ئادەم ئۆلسە ئۆلسۇن، نەتىجىدە بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ زەئىپلىشىشى دېگەنلىك بىلەن باراۋەر ئىدى. ھەر ئىككى تەرەپ مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ سەپلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى ئىسلام دۆلىتىنىڭ چېگرالىرىنى قوغداش ۋە فەتىھ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش ئىدى.
مانا بۇ سەۋەبتىن، ئۇلار بىر تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتسە، يەنە بىر تەرەپتىن اﷲ نىڭ بۇ غەلياننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئارىلىرىدا تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشىنى، ھەممەيلەننىڭ ھوش ـ كاللىسىنى يىغىپ، توغرا يولغا مېڭىشىنى تىلەيتتى.
بۇ توقۇنۇشلار زۇلھىججە ئېيى چىققۇچە پات ـ پات يۈز بېرىپ تۇردى ۋە مۇھەررەم ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن پۈتۈنلەي توختىتىلدى. ئەسكەرلەر ئۆز قارارگاھلىرىغا قايتىشتى، ھەممىسى ئارىدا بىرلىكسەپ ئورنىتىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دىپلوماتىك كۆرۈشۈشلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، نەتىجە چىقمىدى. «ئۇلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قارىغانلىقى تۈپەيلىدىن ھوش ـ كاللىسىنى يىغىپ ئۇرۇش توختىتىشنى ئويلاپمۇ قويۇشمىغانىدى» دېگەندەك خاتا ھېس ـ تۇيغۇغا بېرىلمەسلىك ئۈچۈن ۋەزىيەتنى ئوبدانراق تەھلىل قىلىپ كۆرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەسلىدە ھەر ئىككى تەرەپ كۆڭلىدە بىر ـ بىرىگە دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن ئەمەس، بەلكى قان ـ قېرىنداشلىق نەزەرى بىلەن قارايتتى ۋە پۈتۈن ئىمكانىيىتى بىلەن پىتنىنىڭ ئاياغلىشىپ، ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىشىشى ئۈچۈن تىرىشاتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇردى ۋە ئۆز ئىددىيىسىدىن قەتئىي يانمىدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ كۆز قارىشى ئېنىق بولسىمۇ، مۇئاۋىيەنىڭ كۆڭلى سۆھبەتلىشىشكە پەقەتلا مايىل بولمىغاچقا، ئارىدا ئۇرۇش چىقىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.
دەرۋەقە، ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىگە قايتا ھۇجۇم باشلىدى. ئۇرۇش ھىجرىيەتنىڭ 37 - يىلى، سەفەر ئېيىغىچە داۋاملاشتى. قوشۇنلار بۇ ئىشنىڭ بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە بولمايدىقانلىقىنى ھېس قىلىشتى ۋە بىراقلا ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتۈشتى. ئۈچ كۈنگىچە قانلىق جەڭ بولدى. ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ سېپىدىن ئاممار ئىبنى ياسىر ۋە ھاشىم ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇل ئاس؛ مۇئاۋىيە سېپىدىن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللاھ قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر ئۆلتۈرۈلدى. مۇئاۋىيە قوماندانلىقىدىكى شام قوشۇنى يېمىرىلىشكە باشلىدى. شام قوشۇنلىرى نەيزىلىرىنىڭ ئۇچىغا قۇرئان كەرىم پارچىلىرىنى ئېسىپ، ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. ئىراق قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى ھەزرىتى ئەلى ۋە قوماندانلاردىن ئەل ئەشتەر ئەن ناھى قاتارلىقلار ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەسكەرلەر ئەل ئەشتەرنىڭ «توختا» ئەمرى بىلەن ئاستا ـ ئاستا پەسكويغا چۈشتى ۋە ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.
مۇسۇلمانلار ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدلىرىنى ئىتتىپاقلىشىشقا باغلىغانىدى. ئەگەر بۇ ئۈمىد بولمىغان بولسا، ئۇرۇشنىڭ توختىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ھەقلىق تەرەپ بولغان ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنى زەپەرگە بەكمۇ يېقىنلاشقانىدى، شۇڭا ئۇرۇشقا قاتتىق كىرىشىپ كەتكەنىدى.
ئەپسۇسلىنارلىقى، مۇئاۋىيە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەلچىسى ئەل ئەشتەرىگە بۇ مەسىلىنى ئىككى تەرەپتىن ۋەكىل ھاكىم سايلاپ، شۇلار ئارقىلىق ھەل قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش توختىتىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ گۇۋاھچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىتتىپاقلىشىش كېلىشىمى تۈزۈلدى. بۇ كېلىشىمگە شام قوشۇنى پۈتۈنلەي رازى بولدى. ئەمما ئىراق قوشۇنىنىڭ بىر قىسمى رازى، يەنە بىر قىسمى نارازى بولسىمۇ، ھېچكىم ئاۋازىنى چىقىرىشقا پېتىنالمىدى. بۇ كېلىشىمدىن ئىككى كۈن كېيىن، ئۆلۈكلەر دەپنە قىلىنىپ، ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدىن كۇفەگە قايتىش ئەمرى بېرىلدى. ئۇلار كۇفەگە قايتقاندىن كېيىن، مۇئاۋىيەمۇ قوشۇنىنى باشلاپ شامغا قاراپ ھەرىكەتلەندى.
ھەزرىتى ئەلى قوشۇنىنىڭ ھەممىسى كۇفەگە كىرمەي، بىر قىسمى ئىتتىپاق كېلىشىمىگە نارازىلىقى تۈپەيلىدىن ھارۇرە دېگەن يەرگە كەتتى. ئۇلار بۇ كېلىشىمگە بەكمۇ نارازى بولغاچقا، ئۆز ئارىلىرىدا تەشكىللىنىپ، شىبس ئىبنى رەبىئ ئىسىملىك بىرىنى ئۆزلىرىگە رەئىس قىلىپ سايلىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەل قەۋۋا ئىسىملىك بىر بۇ ئايرىمچىلارغا ئىماملىق قىلدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، قايتىپ كېلىشىنى ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. بەلكىم ئۇلارمۇ شۇنداق ئويلىسا كېرەك، ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلماسلىقىنى ۋە جەڭ مەيدانىغا قايتىشىنى تەلەپ قىلىشتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ رەئىسى شىبس ئىبنى رەبىئ ھەزرىتى ئەلىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتتى. كۆپ ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەلى ئۇلارغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى ئەۋەتتى. ئابدۇللاھ ئۇلار بىلەن كۆپ مۇنازىرىلەشكەن بولسىمۇ، بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قايتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەلى شەخسەن ئۆزى بېرىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى ۋە پۈتۈن دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى. ھەممەيلەن بىرلىكتە كۇفەگە قايتتى.
كۆرۈنۇشتە بۇ مەسىلە ھەل قىلىنغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس بولۇپ، بۇ ئايرىمىچىلار ئۆز پىكىرلىرىدىن يانمىغانىدى ۋە يەنىلا شۇ كونا مۇقامىنى غىڭشىپ تۇرۇۋالغانىدى: «اﷲ نىڭ ھۆكمىدىن باشقا ھۆكۈم يوقتۇر. مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئېيتقان سۆزلەر تامامەن توغرا، ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرى باتىللىققا تۇتىشىدۇ» دەپ جار سالاتتى، مۇنازىرىلىشەتتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەلىنىڭ جەڭ مەيدانىغا قايتا بارىدىغانلىقىنى ۋە ھازىرچە قوشۇنغا ئارام ئالدۇرۇۋاتقانلىقىنى خىيال قىلىشىپ يۈرەتتى.
نىھايەت، ئالدىن بەلگىلەنگەن كۈنى ھەزرىتى ئەلى بىلەن مۇئاۋىيەنىڭ ۋەكىل ھاكىملىرى دەمەتۇل جەندەل دېگەن يەردە كۆرۈشۈپ، سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمەيلا ئايرىلىپ كەتتى. ئەمما تارىخچىلارنىڭ بۇ ھەقتە بايان قىلغان مەلۇماتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خاتادۇر. مەسىلەن، ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھاكىم ــ ئەبۇمۇسا ئەل ئەشئەرى تارىخچىلار تەسۋىرلىگەندەك ئۇنداق مۆڭ ۋە غاپىل كىشى ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئۇلۇغ ساھابە ۋە ھەزرىتى ئۆمەرگە ئوخشاش دانا ۋە ئىنتىزامچان خەلىپە تەرىپىدىن ۋالىلىققا تەيىنلەنگەن بىرى ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تارىخچىلار تەسۋىرلىگەن كىشىدەك بىرىنى ۋالىلىققا تەيىنلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقلا، مۇئاۋىيە تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھاكىم ئەمر ئىبنى ئاسمۇ ئەخمەق، ئىمانى چالا، ۋاپاسىز ۋە ئىنساپسىز بىرى ئەمەس ئىدى. بۇ ئىككى ھاكىم (قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمەي ئايرىلىپ كەتكەنىدى.
ئىتتىپاقلىشىش ئارزۇسىدىن بىر نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى شامغا قايتا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى ۋە باسراغا تەيىنلىگەن ۋالىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسقا خەۋەر يوللاپ، باسرادىن ئەسكەر يىغىشقا بۇيرىدى. ئابدۇللاھ يىغقان ئەسكەرلەرنى ئەۋەتتى. ئەمما ھەزرىتى ئەلى تۇيۇقسىزلا ئويلىنىپ قالدى ۋە تېخى تۈنۈگۈنلا قوشۇنىنىڭ سەپلىرىنى تەرك ئەتكەنلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇلار ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە قايتىپ كەلگەن بۇ مەۋقەسىز ئادەملەر مانا ئەمدى باسرادىكى ھەقەمسايىلىرىگە مەكتۇب يوللاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قېتىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى.
ھەزرىتى ئەلى ۋاقتىنچە ئۇلارغا بىر نەرسە دېمىدى ۋە ئۆز ھالىغا قويۇپ بەردى: «ئەگەر ھۆرت - پۆرت دېمىسە، بىزمۇ چېقىلمايمىز. ئاغزىنى ئاچسا، مۇنازىرە قىلىشىمىز.
ئەگەر قالايمىقانچىلىق چىقارسا، ھەممىسىنى قىرىپ تاشلايمىز» دەپ ئويلىدى.
كۆپ ئۆتمەي (شامغا يۈرۈش قىلىش ئالدىدا)، ئۇلارنىڭ پىتنە چىقىرىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. چۈنكى ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇباب ئىبنى ئەل ئەرەتنى خۇددى قوينى بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلاپ ئۆلتۈرىۋەتكەندىن باشقا، ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر مۇنچە ئاياللارنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشكەنىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇلارغا بىر ئەلچى ئەۋەتتى، ئۇلار ئەلچىنى ئۆلتۈرىۋەتتى.
شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەلى ئۇلارغا قارشى يۈرۈش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شامغا كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىلىرىدىن خالىغان يامانلىقلارنى قىلىشى ئۈچۈن تاشلاپ قويغاندىن، ھەرقانداق بىر ۋاسىتە بىلەن دەرھال كۆزدىن يوقىتىش تېخىمۇ ياخشىراق ئىدى. شۇ مەقسەتتە، ئۇلارغا قارشى يۈرۈش قىلدى ۋە ئالدى بىلەن سۆز ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇبابنىڭ قاتىللىرىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما ئۇلار: «ھەممىمىز ئۇنىڭ قاتىلى» دەپ تۇرۇۋالدى ۋە ئارقىدىنلا ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ھەزرىتى ئەلىمۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولدى ۋە نەھراۋان دېگەن يەردە بۇ ئاسىيلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىدى. بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى كۇفەلىك بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ كۇفەلىكلەر ئىدى. مەسىلەن، زەيد ئىبنى ئادىي ئىبنى ھاتەم ئاسىيلارنىڭ سېپىدا ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئادىي ئىبنى ھاتەم بولسا، ھەزرىتى ئەلىنىڭ سېپىدا ئىدى. بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى مانا مۇشۇنداق ئاتا ـ بالا ياكى شۇنىڭغا يېقىن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىدىكى كىشىلەر ئىدى.
شۇڭا ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەسكەرلىرى بۇ ئىشتىن كېيىن بەكمۇ ئازابلاندى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن پەرىشان ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرى، پىكىر ۋە پوزىتسىيىلىرى (خالاپ ـ خالىماي) ئۆزگىرىشكە باشلىدى.
بۇ قاراڭغۇ دەۋرلەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مانا مۇشۇنداق ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتكەنىدى. كىشىلەر ئارىسىدىكى پىكىر ئايرىمىچىلىقى بەكمۇ چوڭ ئىدى. ھەركىم ئايرىم ـ ئايرىم گۇرۇھ بولۇپ، ئۆزلىرىگە قارشى گۇرۇھنى يوق قىلىشقا ئۇرۇناتتى. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىشى ئۆلۈم بىلەن تەڭ تۈگەيتتى، ئەمما ئۆلتۈرگەنلەر ئۆز يېقىنلىرى ئۈچۈن پەرياد چېكىپ، ئاھ ئۇراتتى.
ھەزرىتى ئەلى بۇ ۋەزىيەتتە، خەلقنىڭ ئۇرۇش ھارغىنلىقىنى چىقىرىۋېلىشى ۋە دەرت ـ ئەلىمىنى ئۇنتۇپ، كۆڭلىنى تىندۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل دەم ئېلىشقا قارار بەردى. مۇئاۋىيە بۇ ۋاقىتلاردا شامدا ئىدى ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ شامغا يۈرۈش قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ دەرھال تەييارلىق قىلىپ، سىففىن دېگەن يەرگە يېتىپ باردى. ئەمما بۇ يەردە ئىراق قوشۇنىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى بۇ يەردە تۇرۇپ كۈتۈشكە باشلىدى. ئەمما ئۇنىڭغا ھەزرىتى ئەلى بىلەن بۆلگۈنچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىگە خاتا مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى ئويلاپ يېتىپ، شامغا قايتتى، ئەسكەرلىرىنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىپ، ئۆزىمۇ خاتىرجەم ھالدا باشقا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى.
ھەزرىتى ئەلى قوشۇنىنىڭ يەتكۈدەك دەم ئېلىۋالغانلىقىنى ئويلاپ، ئەسكەرلەرگە قولىغا قورال ئېلىش ئەمرىنى بەردى. ئەمما ھېچكىم قىمىرلاپمۇ قويمىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇلارغا شۇنچە كۆپ تەبلىغ قىلىپ، روھىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، يەنىلا ھېچكىم ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشمىدى، ھەتتا سۆزلىرىگە قۇلاقمۇ سالمىدى.
ئۇلارغا خىتابەن قاتتىق گەپ قىلسا، سەل - پەل مىدىرلىغاندەك قىلىپ، ۋەزىپىگە چىقىدۇ - يۇ، يەنە ھېچنەرسە تۇيمىغاندەك قايتىدىن بوشىشىپ كېتەتتى. ئىش شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ھەزرىتى ئەلىمۇ بۇ كۈنلەردىن قاتتىق زېرىكىشكە باشلىدى، چۈنكى بۇ كۈنلەر ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كېلىۋاتاتتى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشقا ئارىلاشمىغانلا بولسام دەپمۇ ئويلىدى، لېكىن بەكمۇ كېچىككەنىدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھاياتى جاپا ـ مۇشەققەت، دەرت ـ ئەلەم ۋە ئازاب ـ ئوقۇبەت ئىچىدىلا ئۆتتى. بەرگەن ئەمرىگە ھېچكىم پىسەنت قىلمايتتى، قىلغان چاقىرىقلىرىغا ھېچكىم قۇلاق سالمايتتى. بەلكىم بۇ ئىشلار كۇفەلىكلەرنىڭ ئۆز خەلىپىلىرىگە ئاسىيلىق قىلىشى ياكى نەھراۋان دېگەن يەردە ئۆز يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋەياكى فەتىھ ھەرىكەتلىرىنىڭ توختاپ قېلىشى سەۋەبىدىن چىقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى دۆلەت رەھبەرلىكى ئالدىنقى مەزگىللەرگە قارىغاندا سىرتقا قارىتا كېڭىيىش كۈچىنى يوقىتىپ، بەكمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەنىدى.
مانا بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىزانسلىقلار قايتىدىن شام چېگرىلىغا كۆز تىكىشكە باشلىدى. ئەمما مۇئاۋىيە ۋەزىيەت ئوڭشالغىچە ئۇلارنى مەلۇم مىقداردىكى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن جىمىقتۇرۇپ تۇردى. شەرقىي چېگرالىرىدا بولسا، دۆلەت ئىنتىزامىنىڭ تەرتىپسىزلىكى تۈپەيلىدىن ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كىشىلەر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى.
خەلقنىڭ راھەت - پاراغەتكە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىشى بۇ ئىنتىزامسىزلىق ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىدى. چۈنكى ھەزرىتى ئەلى توختىماي خەلققە مال - بايلىق تارقىتىپ تۇراتتى ۋە كىشىلەرنى ئۆز ئەركىگە قويۇپ بېرەتتى. دۆلەت خەزىنىسىنى خەلققە تارقىتىپ بەرگەندىن كېيىن، پات ـ پات خەزىنىگە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشقا بەكمۇ خۇشتار ئىدى. بەلكىم بۇ باياشاتچىلىق ئۇلارنىڭ ئېڭىنى ئۆزگەرتىپ، بەكمۇ ھورۇن ۋە قاشاڭ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغانىدى. مانا بۇلار، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھاياتىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىپ، مۈشكۈللۈكلەرگە مۇپتىلا قىلغان سەۋەبلەر ئىدى.
شۇنداقلا، مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇئاۋىيەمۇ ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلىشنى خالىمايتتى ۋە باشقىلار ماڭغان يولدىن مېڭىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى. چۈنكى ئۇ خەلىپىنىڭ مەۋقەسىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمايۋاتقانلىقىنى ۋە بىرمۇنچە ساھابىنىڭ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلمانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
ھەزرىتى ئەلى نەھراۋان ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۆلگۈنچىلەرنىڭ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلغانلىقىنى خىيال قىلغانىدى. ئەمما كۆپ ئۆتمەي ئۇلارنىڭ پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى كۆزدىن يوقىتالىغانلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بەكمۇ كۆپ ئاسىيلار بار بولۇپ، ئۇلار يېڭى - يېڭى پىتنىلەرنى تارقىتاتتى، باشقىلار بىلەن ئوچۇق ـ ئاشكارە بەس ـ مۇنازىرە قىلىشاتتى. بۇ ئەھۋال ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئازاب ـ ئوقۇبەت ۋە دەرت ـ ئەلىمىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. ھەزرىتى ئەلى ھۈر پىكىرلىك ئىنسان بولۇپ، دۈشمەنلىرى بىلەن ئوچۇق ـ يورۇق تالاش ـ تارتىش قىلاتتى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى زەڭ سېلىپ ئاڭلايتتى، ئۇلارنىڭ ھەق ـ ھۇقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلاتتى. ئەمما بۇ ئەبلەخلەر ھەزرىتى ئەلى ۋە باسرادىكى ۋالىسىنىڭ يېنىدا «ئاغزىدا كۈلكە ـ چاقچاق، قوينىدا پالتا ـ پىچاق» ھالىتىدە ياشايتتى. كېچە بولۇشى بىلەن تەڭ بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەرخىل پىتنە ـ پاسات تېرىيتتى، بىرەر مۇسۇلماننى كۆرۈپ قالسا، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرەتتى.
بۇ ۋەقەلەر شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ھەزرىتى ئەلى ئۆز ئۆلۈمىنى تەمەننى قىلىدىغان ھالغا چۈشكەنىدى ۋە بەزىدە ئۆز ـ ئۆزىگە: «شۇ بەدبەخت ئادەم نېمىشقا بالدۇرراق كەلمەيدىغاندۇ؟» دەپ قوياتتى. ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق مۇنداق دېمەكچى بولاتتى: «مېنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بەدبەختى ھېسابلىنىدىغان شۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن بالدۇرراق كېلىپ ئىشىنى تۈگىتىپ، مېنى بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلدۇرمايدۇ؟!»
ھەزرىتى ئەلى بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى، شېھىت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ (بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ بەدبەختى تەرىپىدىن) ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ھەزرىتى ئەلى كۇفەدە، ۋالى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس باسرادا ئىدى. خەلق ھەر ئىككىسىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماس بولۇۋالغانىدى. ئىش شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ۋە خەلىپە بۇ ئەھۋالدىن بەكمۇ بىزار بولغانىدى. ھەتتا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ باسرا ۋالىلىقىنى زەيد ئىبنى ئەبىھكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، مەككىگە كەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ كىشىلەردىن بىزار بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەمما ئەسلىدە ئۇ باسرانى خەلىپە شېھىت بولغانغا قەدەر تەرك ئەتمىگەنىدى. ھەتتا ھەزرىتى ئەلى شېھىت بولغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ھەسەن مۇئاۋىيە ئۈچۈن خەلىپىلىكتىن چېكىنگەنگە قەدەر بۇ يەردە قالغان ۋە كېيىنچە مەككىگە كېتىپ يەرلەشكەنىدى. ئەگەر ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسا، خەلقتىن تارتقان بۇ ئازابلىرى تۈپەيلىدىن بەلكىم شۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما خەلىپنىڭ ئۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
شام خەلقى خەلىپىگە ھېچكىمنىڭ قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ شام تەرەپلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنىڭ بىر سىمۋولدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ جىددىي ئىرادە بىلەن دۆلەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن تىرىشپ - تىرمىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەردائىم ياخشىلىققا ئەمر قىلىپ، يامانلىقتىن توسۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. ئەھۋال بۇ دەرىجىدە بولغىنىغا قارىغاندا، ئۆزلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان ھېچكىمنىڭ يوقلۇقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى.
شۇ سەۋەبتىن، ئەمر ئىبنى ئاس مۇئاۋىيە نامىدا مىسىرنى ئىشغال قىلىپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ يەردىكى ۋالىسى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرىنى ئۆلتۈرىۋەتتى. ھەزرىتى ئەلى يېڭىدىن ۋالىلىققا تەيىنلىگەن ئەل ئەشتەر مىسىرغا يېتىپ بارالمىدى. چۈنكى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغىلى كېتىۋاتقان يولدا زەھەرلىنىپ ئۆلدى (ھىجرىيەنىڭ 38 ـ يىلى).
ئەل ئەشتەر سىففىن ۋەقەسىدە ھەزرىتى ئەلى بىلەن بىللە بولۇپ، قايتىشتا ھەزرىتى ئەلى ئۇنى جىزرەگە يېقىن بولغان نۇسەيبىن ئەمىرلىكىگە (كونا ۋەزىپىسى) تەيىنلىدى. ۋە كېيىنچە ئۇنى مىسىرغا ئەۋەتتى. ئەنە شۇ ۋاقىتتا زەھەرلىنىپ ئۆلدى.
قەيس ئىبنى سەئد ئىبنى ئۇبادە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ بېشىدا ئىدى. خەلىپىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زەئىپلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن مۇئاۋىيە باسراغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر ئەل ھەزرەمىنى ئەۋەتتى. چۈنكى بۇ شەھەردە ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئىنتىقامىنىڭ ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە جەمەل ۋەقەسىدە پالاكەتكە ئۇچرىغان بەزى كىشىلەر بار ئىدى. بەزى قالايمىقانچىلىقلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، مۇئاۋىيە ئۈچۈن پايدىلىق ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى. ئۇندىن كېيىن (ھىجرىيە 39 ـ يىللىرى)، مۇئاۋىيە ھەزرىتى ئەلى ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەرلەرنىڭ چېگرالىرىغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە باشلىدى.
مەسىلەن، نۇمان ئىبنى بەشىر قوماندانلىقىدىكى ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئاينۇت تەمىر دېگەن يەرگە، سۇفيان ئىبنى ئەۋف قوماندانلىقىدىكى ئالتە مىڭ كىشىلىك قوشۇننى بولسا، ھىت دېگەن يەرگە ئەۋەتتى. سۇفيان ئىبنى ئەۋف بۇ يەردە ھېچكىم بىلەن دوقۇرۇشمىغاچقا، ئۇ يەردىن ئەنبارغا ئۆتۈپ، شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن قايتىپ كەتتى.
ئۇندىن باشقا، دەھھاق ئىبنى قەيسنى تەدمۇرغا ئەۋەتتى. ئەمما ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ يەردىكى قوماندانى ھاجەر ئىبنى ئادىي تەرىپىدىن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. مۇئاۋىيە يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئادە ئەل فەزارىنى 1700 كىشىلىك قوشۇنغا قوماندان قىلىپ تەيماغا يوللىدى. شام خەلقىنىڭ بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇملىرى ئىراق خەلقىنىڭ غەم - ئەندىشىلىرىنى كۈندىن - كۈنگە ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشقا ۋە ئىشنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا ئۈندەيتتى.
بۇ ئىشلار ئاز كەلگەندەك، مۇئاۋىيە يېقىنلىشىپ قالغان ھەج مەۋسۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن شامدىن مەككىگە قاراپ يولغا چىققان ھەج ئۆمىكىگە يەزىد ئىبنى شەجەرە ئەررەھاۋىنى باشلىق قىلىپ قويدى. بۇ ئۆمەك مەككىگە يېقىنلىشىپ كەلگەندە، ھەزرىتى ئەلىنىڭ مەككىدىكى ۋالىسى قۇسسەم ئىبنى ئابباس قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن ۋەزىپىسىنى تاشلاپ، خەلق ئارىسىغا كىرىۋالدى. ھىجرىيەنىڭ 39 ـ يىلى، خەلق ئوسمان ئىبنى تەلھەنى ھەج ئەمىرى قىلىپ تەيىنلىدى.
ھەزرىتى ئەلى يەزىد ئىبنى شەجەرەنىڭ مۇئاۋىيە تەرىپىدىن مەككىگە ماڭغان ھەج ئۆمىكىگە باشلىق بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى كەينىگە ياندۇرۇش ئۈچۈن خەلقنى قارشىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ ئەمرىگە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەلى مەئقەل ئىبنى قەيسنى بىر بۆلۈك ئەسكەر بىلەن مەككىگە يوللىدى. ئەمما بۇلار مەككىگە يېتىپ كەلگەندە، ھەج مەۋسۈمى ئاياغلىشىپ، ھاجىلار تارقاپ بولغانىدى. ئۇلار شام ئۆمىكىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئۆمەكنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتقان بىر قىسمىغا يېتىشىۋالدى ۋە ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ كۇفەگە كەلتۈردى.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ باش قاتىلاڭچىلىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت بىلگەن پارس ۋە كىرمان خەلقى جاسارەتلىنىپ، ئىسلام دۆلىتىگە جىزيە تۆلەشنى رەت قىلدى ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ يەردىكى ۋالىسى سەھل ئىبنى ھۇنەيفنى قوغلىۋەتتى. ھەزرىتى ئەلى ئۇ يەرگە زىياد ئىبنى ئەبىھنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى قايتا باش ئەگدۈردى.
ھىجرەتنىڭ 40 ـ يىلى، مۇئاۋىيە بۇسرى ئىبنى ئەبۇئەرتائانىڭ قوماندانلىقىدىكى ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ھىجازغا ئەۋەتتى. قوشۇن مەدىنىگە يېتىپ بېرىشى بىلەن، مەدىنە ۋالىسى ئەبۇ ئەييۇب ئەل ئەنسارى مەدىنىدىن چىقىپ، كۇفەگە كەتتى. مەدىنە خەلقى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئابدۇللاھ ئىبنى زەمئا ۋە ئۆمەر ئىبنى ئەبۇسەلەمە قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا بۇسرىغا بەيئەت قىلىپ، مۇئاۋىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمىي قوبۇل قىلدى.
مەدىنە خەلقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمەنىڭ پىكرى بىلەن شۇنداق قىلدى. ئۇممۇ سەلەمە مەدىنە خەلقىنىڭ بېشىغا بىر ئىش كېلىشىدىن قورقۇپ، شۇنداق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خەلقمۇ قاتتىق ئەندىشە قىلىپ تۇراتتى.
بۇسرى ئىبنى ئەبۇئەرتائا مەدىنىدىن مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى. قوشۇن شەھەرگە كىرىپ كەلگەندە، ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇرۇنقى ۋالىلىرىدىن ئەبۇمۇسا ئەل ئەشئەرى ئۆز ھاياتىدىن بەكمۇ خەۋپسىرىدى، ئەمما شام قوشۇنى ئۇنىڭغا چېقىلمىدى ۋە ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى. بۇسرى مەككىدىن كېيىن يەمەنگە قاراپ ئىلگىرىلىدى. يەمەننى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ۋالىلىرىدىن ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابباس باشقۇرۇۋاتاتتى.
خەلق ئۇنىڭغا بەكمۇ قوپال مۇئامىلە قىلغان بولۇپ، ئۇبەيدۇللاھ ھەزرىتى ئەلىگە مەكتۇب ئارقىلىق بۇ توغرىسىدا شىكايەت قىلغانىدى. ھەزرىتى ئەلى خەلققە مەكتۇب يوللاپ، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشىنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما چىرايلىق گەپنىڭ ئۇلارغا كار قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، تەھدىت سالدى. شۇنىڭ بىلەن، قورقۇپ كەتكەن خەلق مۇئاۋىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. بۇسرى قوشۇنى مۇئاۋىيەنىڭ تەلىماتى بىلەن مەككىدىن يەمەنگە قاراپ يولغا چىقتى. ئەسلىدە، بۇسرى يەمەنگە بېرىپ قاتتىق قىرغىنچىلىق قىلماقچى، ھەتتا تائىف خەلقىنىمۇ قىلىچتىن ئۆتكۈزمەكچى بولغانىدى، ئەمما مۇغىرە ئىبنى شۇئبەنىڭ نەسىھەتى بىلەن بۇ نىيىتىدىن ياندى.
قوشۇن يەمەنگە يېتىپ بارغاندا، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئۆز ئورنىغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل مەدداننى قويۇپ، يەمەندىن كۇفەگە كەتكەنىدى. بۇسرى شەھەرگە كىرىپ، بۇ يەرنىمۇ ئىشغال قىلدى. ئەمما ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭ كەينىدىن جارىيە ئىبنى قۇدامە ۋە ۋەھب ئىبنى مەسئۇدنى ئىككى مىڭدىن جەمئىي تۆت مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ھىجازغا ئەۋەتتى. جارىيە نەجرانغا يېتىپ كەلگەندە، بۇسرى يەمەندىن مەككىگە قاچتى. جارىيە ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ مەككىگە كىردى ۋە خەلقنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. خەلق ئۇنىڭغا مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئېيتىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەككە خەلقىدىن ھەزرىتى ئەلى تەرەپدارلىرى كىمگە بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭمۇ شۇنىڭغا بەيئەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. مەككە خەلقى بۇنى قوبۇل كۆردى.
جارىيە مەككىدىن مەدىنىگە يۈرۈش قىلىپ، شەھەرگە كىردى. خەلققە ئەبۇھۇرەيرە ئىماملىق قىلىۋاتاتتى. قوماندان جارىيە مەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، خەلق ھەزرىتى ھەسەنگە بەيئەت قىلدى.
ھەزرىتى ئەلى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە سىياسى ئىشلارغا ئارىلاشماس بولۇۋالدى. ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىلىرى، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشلىرى ئۇنىڭ اﷲ يولىدا مېڭىشىغا، مول تەجرىبە ۋە تىرەن ئىلمى بىلەن ھەرىكەت قىلىشىغا ھېچقانداق توسقۇنلۇق قىلالمىغانىدى.
بىر ۋاقىتلاردا، ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى ماختاپ: «ئەلى ئارىمىزدىكى ئەڭ ياخشى سوتچىدۇر» دېگەنىدى.
ھەزرىتى ئەلىمۇ ھەزرىتى ئۆمەرگە ئوخشاش ئىنتىزامچانلىق بىلەن ئىش قىلغانىدى ۋە ساھابىلەرنىڭ مەدىنىدىن ئايرىلىشىنى چەكلىگەنىدى. ئۇمۇ ھەزرىتى ئۆمەرگە ئوخشاش قولىدىكى قامچىسى بىلەن ھەددىدىن ئاشقانلارنىڭ ئەدىبىنى بېرەتتى. ئۇ ھىزيۇران دەپ ئاتالغان بىر دەرەختىن قىلىۋالغان كالتىكى بىلەن ھەمىشە كىشىلەرنى ئەدەبلەپ تۇراتتى.
بازار ـ رەستىلەرنى ئايلىنىپ، مال باھاسىنى تەكشۈرۈپ تۇراتتى، تىجارەتچى، سودىگەرلەرگە ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە يامانلىقتىن نېرى تۇرۇشقا ئۈندەيتتى. مەسجىدتە ئولتۇرۇپ خەلقنىڭ دەرت ـ شىكايەتلىرىنى ئاڭلايتتى، مەسىلىلىرىنى ھەل قىلاتتى، بىر ـ بىرىنى ياراشتۇراتتى. جامائەتكە خىتاب قىلاتتى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق نەسىھەتلەرنى بېرەتتى.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ شېھىت قىلىنىشى
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەلىنىڭ شېھىت قىلىنىشى”بىر كۈنى، خاۋارىجلاردىن بىر نەچچە كىشى بىر يەرگە يىغىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن پىتنە ۋە قالايمىقانچىلىقلار ھەققىدە پاراڭلاشقاچ، نەھراۋاندا يوقىتىپ قويغان يېقىنلىرىنى ئەسلەشتى ۋە ئۇ ئىشقا بولغان نارازىلىقىنى ۋە غەزەپ ـ نەپرەتلىرىنى تىلغا ئېلىشقاندىن كېيىن، ئۇ ۋەقەگە ھەزرىتى ئەلى، مۇئاۋىيە ۋە ئەمر ئىبنى ئاسنى سەۋەبچى بولدى دەپ قارىشىپ، بۇ ئۈچ كىشىنى يوقىتىۋەتكەندىلا، ئۈممەتنىڭ بۇ قالايمىقانچىلىقتىن قۇتۇلالايدىغانلىقىنى خىيال قىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قارارىغا كەلدى.
بۇلاردىن ھەزرىتى ئەلىنى ئابدۇررەھمان ئىبنى مۇلجەم ئەل مۇرادى ، مۇئاۋىيەنى بۇراق ئىبنى ئابدۇللاھ ، ئەمر ئىبنى ئاسنى ئامىر ئىبنى بەكىر ئەت تەمىمى ئۆلتۈرىدىغانغا كېلىشتى. بۇ سىرنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىق ۋە ھىجرىيە 40 ـ يىلى، رامىزان ئېيىنىڭ 17 ـ كۈنى بامدات نامىزى ۋاقتىدا بۇ ئۈچىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلتۈرۈش ھەققىدە بىر ـ بىرىگە قەسەم بېرىشتى.
بۇ ئۈچ سۇيىقەستچىدىن ئابدۇررەھمان ئىبنى مۇلجەم بىر كۈنى تەيمۇرراباب قەبىلىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بۇ يەردە گۈزەللىكى بىلەن نام چىقارغان قەتۇم بىنتى شەجەنە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدى. بۇ قىزنىڭ يېقىنلىرىمۇ نەھراۋاندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. ئىبنى مۇلجەم بۇ قىزغا ئۆيلەنمەكچى بولدى. بۇ قىز ئىبنى مۆلجەمدىن ناھايىتى ئېغىر مېھىر ھەققى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ تەلىپىدە ئۈچ مىڭ دىنار، بىر قۇل، بىر دېدەك ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ بېشى قاتارلىقلار بار ئىدى. ئابدۇررەھمان ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى ۋە بۇ ئىشنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇشىنى تاپىلىغاندىن كېيىن:
ــ مەن شەرتىڭنى قوبۇل قىلىمەن. ئەمما بۇ سۆزلىرىڭ ئۆيلەنمەكچى بولغان كىشىسى بىلەن بىللە ياشاشنى خالىمايدىغان بىرىنىڭ سۆزىگە ئوخشاپ قالدى. ئۇنداق ئەمەسمۇ؟- دەپ سورىدى. قىزمۇ ئۇنىڭغا:
_ ئەگەر قۇتۇلۇپ قالساڭ، ئەلۋەتتە، بىرلىكتە ئەڭ بەختلىك ھالدا ياشايمىز. ئەگەر قۇتۇلالمىساڭ، سېنىڭ بىلەن جەننەتتە بىللە بولىمىز!- دەپ جاۋاب بەردى.
ئابدۇررەھمان ئىبنى مۇلجەمنىڭ بولغۇسى ئايالى ئەنە شۇنداق سۆزلەرنى ئېيتىپ بىلجىرلىدى. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشارىتى بويىچە ئېيتقاندا، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قاتىلى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ پەسكىشى ۋە ئەڭ بەدبەختى ئىدى. نىھايەت، پىلانلانغان كۈن يېتىپ كەلدى. ئىبنى مۇلجەم زەھەرلىك بىر قىلىچ بىلەن ھەزرىتى ئەلىنى شېھىت قىلدى. بۇراق ئىبنى ئابدۇللاھمۇ مۇئاۋىيەنىڭ پاقالچىقىدىن يارىدار قىلدى، ئەمما مۇئاۋىيە داۋالىنىپ ساقايدى. ئۇ، بۇ ھادىسىدىن كېيىن مەخسۇس سېلىنغان سارايدا تۇرىدىغان بولدى (بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغاندىن كېيىن زىيارەتچى قوبۇل قىلاتتى).
مۇئاۋىيەنىڭ مىسىر ۋالىسى ئەمر ئىبنى ئاسقا كەلسەك، ئۇ سۇيىقەست كۈنى بىتاپ بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن مەسجىدكە چىقالماي، ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئامانلىققا مەسئۇل خادىم خارىجە ئىبنى خۇزافەنى ئىمام قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا سۇيىقەستچى بۇ كىشىنى ئەمر ئىبنى ئاس دەپ ئويلاپ ئۆلتۈرىۋەتتى.
ھەزرىتى ئەلى زەربە يېگەندىن كېيىن، جۇندۇب ئىبنى ئابدۇللاھ ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ:
ــ ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سېنىڭدىن ئايرىلىپ قالغۇدەك بولساق، ھەزرىتى ھەسەنگە بەيئەت قىلايلىمۇ؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەلى:
ــ مەن سىلەرگە شۇنداق قىلىڭلار ياكى قىلماڭلار دېيەلمەيمەن. سىلەر ئۆز ئىشىڭلارنى مەندىن ياخشىراق بىلىسىلەر،- دەپ ئىخچام جاۋاب بەردى. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئۆز قاتىلىنىڭ بەدىنىنى پارچىلىۋەتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ:
__ ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىڭلار. ئەگەر مەن ئۆلمەي قالسام، ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزەم بېرىمەن،- دېدى.
ھەزرىتى ئەلى ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ۋاپات بولدى. ئۇنى بالىلىرى ھەسەن، ھۈسەين ۋە جىيەنى ئابدۇللاھ ئىبنى جافەر يۇيۇپ كېپەنلىدى.
ئۇنىڭ قەيەرگە دەپنە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت بەكمۇ كۆپ بولۇپ، زادى نەگە دەپنە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.
ھەزرىتى ئەلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خەلق دەرھال يىغىلىپ ھەزرىتى ھەسەنگە بەيئەت قىلدى. ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ بەيئەت قىلغان كىشى قەيس ئىبنى سەئد ئىدى.
ھەزرىتى ھەسەن خەلىپىلىك ماقامىدا ئالتە ئايغا يېقىن ئولتۇردى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى يالغۇز قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇممەتنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە رازى بولدى ۋە مۇئاۋىيەنى يېنىغا دەۋەت قىلدى. مۇئاۋىيە ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلدى.
ھىجرىيەنىڭ 41 ـ يىلى، رابىئەلئەۋۋەل ئېيىدا خەلىپىلىك ئورنىدىن ۋاز كەچتى. مۇئاۋىيە كۇفەگە كېلىپ خەلىپىلىكنى قولىغا ئالدى. ھەزرىتى ھەسەن ئىنىسى ھۈسەين بىلەن بىرلىكتە مەدىنىگە كۆچتى. شۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ھەزرىتى ھەسەننىڭ بۇ قارارىغا ھەزرىتى ھۈسەين ۋە قەيس ئىبنى سەئد قارشى ئىدى.
تۆت خەلىپە (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورناتقان، ھەققانىيەت ۋە ھەقىقىي ئادالەتكە تايانغان سىياسىي رەھبەرلىك) شۇنداق قىلىپ ئاخىرلاشتى. ئۇلاردىن كېيىن ھەق ۋە ئادالەتتىن يىراقلىشىش بىلەن پەيدا بولغان يوچۇق كۈنسېرى يوغىناپ باردى.
