مەھمۇد قەشقەرى ۋە «تۈرك تىلى دىۋانى»
This content is not yet available in your language.
مەھمۇت قەشقەرى ۋە «تۈرك تىلى دىۋانى»
ئالەمشۇمۇل ئۇيغۇر ئالىمى، «تۈرك تىلى دىۋانى»نىڭ مۇئەللىپى، داڭلىق تىلشۇناس، تۈركلوگ، بۈيۈك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى مەھمۇت قەشقەرى. ئوردۇكەنت (قەشقەر)نىڭ غەربىي جەنۇبىغا 45 كىلومېتىرچە كېلىدىغان ئوپال يېزىسى سۇلتانباغنىڭ ئازاق كەنتى دېگەن جايدا تەخمىنەن 1008-يىلى دۇنياغا كەلگەن.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تولۇق ئىسمى مەھمۇت بىن ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتتۇر.
مەھمۇت قەشقەرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ھارۇن بۇغراخان (يەنى بۇ سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى بولىدۇ)، ئوغلى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ نەۋرىسى ئىدى. يۈسۈپ قادىرخاننىڭ بۇغرا تېكىن (يەنى سۇلايمان ئارسلانخان)، ياغان تېكىن (يەنى مۇھەممەت بۇغراخان)، توغرۇل قاراخان (يەنى مۇھەممەتخان) ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، مەھمۇت قەشقەرى بوۋىسى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى ياغان تېكىن، يەنى مۇھەممەت بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى ھۈسەيىننىڭ بالىسى ئىدى. شۇنداق بولغاندا مەھمۇت قەشقەرى، ھۈسەيىننىڭ ئاتىسى مۇھەممەت بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئەۋرىسى، ھارۇن بۇغراخاننىڭ چەۋرىسى، سۇلايمان ئارسلانخان (يەنى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى)نىڭ پەينەۋرىسى، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ كۆكۈننەۋرىسى بولىدۇ.
ئانىسى بۈبى رابىيە خېنىم بولۇپ، دادىسى زامانىسىدىكى مەرىپەتپەۋەر زاتلاردىن بىرى بولغان خوجا سەيپىدىندۇر.
مەھمۇت قەشقەرى دەسلەپكى تەلىماتىنى پەزىلەتلىك ۋە ئوقۇمۇشلۇق ئانىسى بۈبى رابىيە خېنىمدىن ئالىدۇ. كېيىن ئۆز يۇرتى ئوپالدىكى دىنىي مەدرىسەلەردە ئوقۇيدۇ. ئۇ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ بىر شاھزادىسى بولغاچقا، ئائىلىسىدىن باشلاپلا ناھايىتى ياخشى تەربىيەلەنگەنلىكى ئۈچۈن، كىچىكىدىن باشلاپلا ناھايىتى ئەقىللىق، ئېسىل سۈپەت ئادەم بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. كېيىن قەشقەردە «مەدرىسەئى ھامىدىيە» ۋە «مەدرىسەئى ساچىيە»لەردە شەيخ ئىمام ئىبنى خەلەپ ئىسىملىك ئالىمدىن دەرس ئالىدۇ. ئەينى چاغدا بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا دۇنياغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىملىرى دەرس بېرەتتى. 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر تارىخچىسى ئابدۇجاپپار قەشقەرىنىڭ ئاتىسى ئىمام زاھىد ھۈسەيىن خەلەپ ئوغلى بۇ بىلىم يۇرتىدا دەرس ئۆتكەن ئىدى.
مەھمۇت قەشقەرى ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئۆز ئانا تىلىدەك مۇكەممەل بىلگەنلىكتىن تاشقىرى، گىرامماتىكا، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيە، تېبابەتچىلىك، ئىلمىي نۇجۇم قاتارلىقلارنىمۇ ناھايىتى پۇختا ئىگىلىگەن ئىدى.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ بىلىم ئىگىلەپ كامالەتكە يەتكەن، تازا نەۋقىران ۋاقتىدا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى باشلىنىدۇ. مەھمۇت قەشقەرى مىلادىنىڭ 1057-يىلى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قەشقەردىكى خان ئوردىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق سۇيىقەستتە ئامان قېلىپ، قەشقەردىن مەخپىي ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، خېلى سەرسانلىقنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئاخىرى باغدادقا بارغان.
ئۇ قانلىق سۇيىقەست مۇنداق باشلانغان:
مىلادىنىڭ 1056-يىلى شەرقىي قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانى سۇلايمان ئارسلانخان (يەنى 1032-دىن 1056-گىچە)، ئۆز ئۇكىسى مۇھەممەد بۇغراخان (يەنى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ چوڭ دادىسى) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. مۇھەممەد بۇغراخان خاقان بولىدۇ. 15 ئايدىن كېيىن مۇھەممەد بۇغراخان خانلىق تەختىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن (يەنى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ دادىسى)غا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولىدۇ. تەختنى ھۈسەيىنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىدىكى زىياپەتتە ھۈسەيىننىڭ ئۆگەي ئانىسى يەنى مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ كىچىك خانىشى مۇھەممەد بۇغراخان ۋە ھۈسەيىن قاتارلىق خاقان، ۋەزىر ۋە شاھزادىلەرنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ. مانا بۇ سۇيىقەستتە مەھمۇت قەشقەرىنىڭ دادىسى يەتتە بىر نەسەپ قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. كىچىك خانىش ئۆز ئوغلى ئىبراھىم تېكىن (يەنى ھۈسەيىننىڭ دادا بىر، ئانا باشقا ئۇكىسى) قاراخانىيلار تەختىگە چىقىدۇ.
مانا شۇ قانلىق ۋەقەدە ئامان قالغان مەھمۇت قەشقەرى ئوردىدىن مەخپىي ئايرىلىپ دەسلەپ ماۋەرائۇننەھرگە، غەربىي قاراخانىيلار تېررىتورىيەسىگە كېلىدۇ. كېيىن باغدادقا بارىدۇ.
مەھمۇت قەشقەرى باشقا خان ئۇرۇقلىرىنى ھۆرمەتلىگۈچى كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ مۇخ يولى، قۇش يولى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، ھاياتىنىڭ 15 يىلىنى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق خەلقلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي، جۇغراپىيەلىك ئورنىنى، قەبىلىسىنىڭ ئورنى، قەبىلە نامى، تىل ۋە يېزىقلىرى قاتارلىق گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزىتىپ تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلىپ، مۇكەممەل بىر چوڭ سۆزلۈك ئۈچۈن ماتېرىيال توپلايدۇ. مەھمۇت قەشقەرى بۇ جەرياندىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئۆز ئەسىرىدە شۇنداق بايان قىلىدۇ:
«مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكرىنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ماھىر نەيزىۋازلاردىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن-ئاخىر كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرى ۋە قاپىيەلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم.»
قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن تەختنى تارتىۋالغان ئىبراھىم قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تەختىدە ئالاھەزەل بىر يىلغىچە ئولتۇرالىغان. ئانىسىنىڭ قۇتۇرتۇشى بىلەن ئىبراھىم ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىمىغان بارسخان ئەمىرى يىنال تېكىنگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ئۆلگەن.
مەھمۇت قەشقەرى پۈتكۈل جامائىتىنىڭ قاتىلى رەقىبى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، تەخت تالىشىشقا قاتناشماي ھەتتا يۇرتىغىمۇ قايتىپ كەلمەي، بارلىق زېھنىنى تۈركىي تىللىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئاتىغان. ئۇ بارغانلىكى يەردە بىر مەزگىلدىن تۇرۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن، تۈرك تىلىغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى شۇ زامانلاردىكى ئەڭ ئىلغار ئۇسۇلدا تەتقىق قىلغان. بۇ دىۋاننى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىلگىرىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ماتېرىياللارنى توپلىغان. پارس ۋە ئەرەب تىللىرىدا يېزىلغان تىلشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈرك ئەسەرلەرنى كۆرۈپ چىققان. بولۇپمۇ تەپسىر، ھەدىس، فىقھى (يەنى قانۇنشۇناسلىق) قاتارلىق ئىسلامشۇناسلىق بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن. مەھمۇت قەشقەرى ئوقۇش جەريانىدا ناھايىتى ياخشى ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا، كەڭ تۈرك خەلقى زېمىنلىرىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ۋە پائالىيەتلىرى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ.
ئۇ 1072-يىلىنىڭ باشلىرىدا سودىگەرلىككە ئەگىشىپ بۇخارادىن بۈيۈك سالجۇق دۆلىتى ھامىيلىقىدىكى باغدادقا يېتىپ كېلىدۇ. مىلادى 945-يىلى ئىرانلىق شىئە مەزھىپىدىكى بۇۋەيھىيلەر خانلىقى، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدادنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئابباسىيلار خەلىپىلىكى بۇۋەيھىيلەرگە قارام بولۇپ قالىدۇ. ئابباسىيلار خەلىپىسى ئەلقائىم بىئەمرۇللاھ بۇۋەيھىيلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۈيۈك سالجۇق دۆلىتىنىڭ سۇلتانى توغرۇلبەگ (يەنى 990-يىلىدىن 1063-يىلىغىچە)دىن ياردەم سورايدۇ. توغرۇلبەگ بۇۋەيھىيلەرنى مەغلۇپ قىلىپ 1055-يىلى باغدادقا كىرىدۇ. سۇلتان توغرۇلبەگ ئابباسىيلار خەلىپىسى، ئىسلام ئالىملىرى ۋە مۇسۇلمان خەلقى تەرىپىدىن پەۋقۇلئاددە قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. توغرۇلبەگ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ. ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى 1058-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى توغرۇلبەگنىڭ ئىسلام خەلىپىلىكىگە قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇنى «شەرقىي ۋە غەربنىڭ ھۆكۈمدارى» (يەنى دۇنيانىڭ خاقانى) دەپ جاكارلايدۇ. بۇ تارىختىن ئېتىبارەن تۈرك مىللەتلىرى يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ خەلىپە پەقەت دىنىي جەھەتتىكى رەھبەرلىك ئورنىنىلا ساقلاپ قالغان. خەلىپىلىكنىڭ باشقا بارلىق ھوقۇقى تۈركلەرنىڭ قولىدا بولغان. تۈركلەرنىڭ بۇ ئالتۇن دەۋرىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە جايلىرىدا تۈركلەرنىڭ گېپى گەپ بولۇپ ئالاھىدە ھۆرمەتكە سزاوار بولغان. بۇ دەۋردە تۈرك تىلى ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتاتتى. مۇشۇنداق سىياسىي ئېھتىياج، ئىقتىسادىي شارائىت ۋە مەدەنىي مۇھىت ئەرەب ھۆكۈمران دائىرىلىرىنىمۇ، سىياسەت مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىمۇ، ھەتتا ئاھالىنىڭ بەزى قاتلاملىرىنىمۇ تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشكە ھاجەتمەن قىلغان.
مەھمۇت قەشقەرى 15 يىللىق ھاياتىدا توپلىغان ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ چىقىپ ھىجرىيە 464- (يەنى مىلادى 1072-يىلى 5-ئايدىن) باشلاپ دۇنيىۋى مەشھۇر ئەسىرى «تۈرك تىلى دىۋانى»نى يېزىشنى باشلاپ 1074-يىلى تاماملىغان. ئۇ بۇ ئەسەرنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، تۆت قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ پۇختا تەھرىرلىگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا «قەشقەرى» دېگەن نامنى قوللىنىشنى زۆرۈر كۆرىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەھمۇت قەشقەرى «تۈرك تىلى دىۋانى» ئىسىملىك بۇ كاتتا ئەسىرىنى ھىجرىيە 467- (يەنى مىلادى 1075-يىلى) ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27-خەلىپىسى خەلىپە مۇھەممەد ئوغلى ئابۇلقاسىم ئابدۇللاھ مۇقتەدىي بىئەمرۇللاھغا تەقدىم قىلىدۇ.
مەھمۇت قەشقەرى «تۈرك تىلى دىۋانى»نىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى يەنى تۈرك دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى. دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى. ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى. ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلغانلارنى ئەزىز قىلدى ۋە تۈركلەر تۈپەيلى ئۇلارنى ھەممە تىلەكلەرگە ئېرىشتۈرۈپ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەربىر ئەقىل ئىگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى. ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق.»
«تۈرك تىلى دىۋانى» يالغۇز تۈرك تىلىنى ئەرەبلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا يېزىلغان ساپ سۆزلۈك بولماستىن، بەلكى تۈركلەرنىڭ ئېتنوگرافىيەسى، تارىخى، جايلاشقان ئورۇنلىرى ۋە لوگىكا، ئاسترونومىيە، يېزا-ئىگىلىك، تېبابەتچىلىك، ئۇرۇش قائىدىلىرى، شۇنىڭدەك تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 7500 دىن كۆپ سۆزلۈك (يەنى سۆز ۋە سۆز-ئىبارە) كىرگۈزۈلگەن، دۇنيادا يەنە بىر ئوخشىشى تېپىلمايدىغان تولىمۇ قىممەتلىك، مۇكەممەل قامۇس بولۇپ سانىلىدۇ.
بىز «تۈرك تىلى دىۋانى»دىن ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن تۈرك مىللەتلىرىنىڭ، بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ يۈكسەك سەۋىيەدە تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى، ھەربىي يۈرۈش زۆرۈرىيىتى بىلەن پۈتۈن قەبىلە ئەسكەر بولماستىن بەلكى مۇنتىزىم قوشۇن بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ھەربىي تاكتىكىسىنى تەتقىق قىلغۇچى ئۇرۇش ئالىملىرى ۋە ئۇرۇش سەنئىتى ئۆگىتىدىغان مەخسۇس مەشقاۋۇللارنىڭ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ياۋروپادا 19-ئەسىردە باشلانغان بولسا، بۇ كەسىپنىڭ مەھمۇت قەشقەرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭدىن سەككىز ئەسىر بۇرۇن ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىنى، ئەرلەرنىڭ يىپەك رەختتىن ئىشلەنگەن قولياغلىق ئىشلىتىدىغانلىقى، دەزمال ئىشلىتىدىغانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئەھۋاللارنى بىلىۋالالايمىز. ئەسەردىكى سۆز، جۈملىلەردىن بېرىلگەن ئۆرنەكلەردىن ئۇ دەۋرگە ئائىت قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆگىنىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخى، ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنىمۇ بىلىۋالالايمىز.
«تۈرك تىلى دىۋانى»نىڭ تېپىلىشى.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈرك تىلى دىۋانى» ئىسىملىك بۇ قىممەتلىك كىتابى كېيىنكى ئەسىرلەردىكى 700 يىل ئەتراپىدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئەسەرنىڭ بارلىقىنى كىشىلەر ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما 1914-يىلىغىچە دۇنيادىكى ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ كىتابنىڭ بىرمۇ نۇسخىسىنى تاپالمايدۇ. لېكىن بۇ كىتابنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر نۇسخىسى ئەسلىدە ئوسمان ئىمپېرىيەسى (يەنى 1299-دىن 1922-گىچە)نىڭ بۇرۇنقى مالىيە مىنىستىرى نازىف ئەپەندىنىڭ كىتابلىرىنىڭ ئىچىدە بار بولۇپ، نازىف ئەپەندى گەرچە بۇ كىتابنىڭ تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ ھەر ھالدا قىممەتلىك بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. بىر كۈنى نازىف ئەپەندى ئىشلەيدىغان بىر ئايالنى چاقىرىپ: بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە بۇ كىتابنى ئاپىرىپ 30 ئالتۇن لىراغا ساتقىن. ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن ئەرزان ساتقۇچى بولما، دەيدۇ.
بىر مەزگىلدىن كېيىن بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەن بۇ ئايال، ساھاپلار بازىرىدىكى (كىتابپۇرۇش) بۇرھان ئەپەندىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ بۇ كىتابنى 30 ئالتۇن لىراغا سېتىپ بېرىشنى ئېيتىدۇ. بۇرھان ئەپەندى ئۇ كىتابنى يۇقىرى باھادا سېتىپ ياخشىراق پايدا ئالارمەن دېگەن ئۈمىدتە مائارىپ مىنىستىرى ئەمرۇللاھ ئەپەندىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. مىنىستىرلىكتىكىلەر كىتابنى ئېلىپ قېلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە 10 لىرا دەپ باھا قويىدۇ. بۇرھان ئەپەندى كىتاب باھاسىنىڭ 30 ئالتۇن لىرا ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، مىنىستىرلىكتىكىلەر: «بىز 30 ئالتۇن لىراغا بىر كۈتۈپخانا سېتىۋالىمىز» دەپ كىتابنى بۇرھان ئەپەندىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. دەل شۇ كۈنلەردە ئۆمرىنى ۋە مال-دۇنياسىنى تارىخىي كىتابلارنى يىغىپ توپلاشقا ئاتىغان ئەلى ئەمىرى ئەپەندى (يەنى 1857-دىن 1924-گىچە) كېلىپ بۇرھان ئەپەندىدىن ئادىتى بويىچە يەنە كونا كىتابلارنىڭ بار يوقلۇقىنى سورايدۇ. بۇرھان ئەپەندىم ئۇنىڭغا بىرەر قۇر ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ھېلىقى كىتابنى ئېلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەلى ئەمىرى ئەپەندى «تۈرك تىلى دىۋانى»نى كۆرۈپ ھاياجاندىن كەتكىلى تاسلا قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا دۇنيادا تەڭداشسىز بېباھا ئەنگۈشتەر «تۈرك تىلى دىۋانى» تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ «تۈرك تىلى دىۋانى» ئاجايىپ ئەگرى-توقاي جەريانلاردىن كېيىن ئەلى ئەمىرى ئەپەندى تەرىپىدىن 30 ئالتۇن لىراغا سېتىۋېلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئىسىملىك بۇ ئەسىرى يېزىلغان ۋاقتىدىن 850 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مەشھۇر تىلشۇناس رىفات ئەپەندى (تەلئەت پاشا، يەنى 1874-دىن 1921-گىچە) لارنىڭ خىزمەت ئىشلىشى بىلەن 3 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 3 تومغا ئايرىپ 1915-، 1917-يىللىرى ئەسلى نامى بويىچە ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنىدۇ. «تۈرك تىلى دىۋانى» نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركلوگلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ.
1980-يىللىرىنىڭ بېشىدا خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىلشۇناس مۇتەخەسسىس ئالىملىرى كۈچ تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن موللا ئابدۇلھېمىت ھاجى يۈسۈپى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (يەنى 1923-دىن 1995-گىچە)، تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى، ئابدۇسالام ئابباس، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمان (يەنى 1929-يىلى تۇغۇلغان)، سابىت روزى قاتارلىق ئالىم ۋە ئەدىبلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن «تۈرك تىلى دىۋانى»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى، «تۈرك تىلى دىۋانى»نىڭ 1941-يىلى بەسىم ئاتالاي تەرىپىدىن ئەنقەرەدە نەشر قىلدۇرۇلغان فوتوسۈرەت نۇسخىسى ئاساسىدا نەشرگە تەييارلىنىپ، 1981-يىلىدىن 1984-يىلغىچە ھەممە قىسمى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەھمۇت قەشقەرى يېزىپ قالدۇرغان ئۆلمەس ئەسەر. «تۈرك تىلى دىۋانى»نى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋاقتىدۇر.
……….
………
مەھمۇت قەشقەرى سىزغان دۇنيا خەرىتىسى.
……..
…….
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزدىن 950 يىل بۇرۇن يەر شارىنىڭ يۇمۇلاقلىقىنى تۇنجى بولۇپ ھېس قىلغانلىقىنى ئۆزى سىزغان دائىرىسىدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. مەھمۇت قەشقەرى «تۈرك تىلى دىۋانى»دا شەرقىي خەلقلەر جايلاشقان كەڭ دىيارنى يەر يۈزىنىڭ يۇمۇلاقلىقى ئۇقۇمى بويىچە بالاساغۇننى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ قىياسەن خەرىتە قىلىپ سىزىپ بەرگەن. يۇمۇلاق شەكىلدە سىزىلىپ، ئاپتورنىڭ ئۆز تىلى بويىچە «دائىرە» دەپ ئاتىغان بۇ خەرىتە ئاسىيانىڭ شۇ كەمگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ قەدىمكى خەرىتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا تاغلار، دېڭىز، دەريا ۋە كۆللەر ئاددىي ۋە گېئومېترىيەلىك شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. مۇھىم شەھەر ۋە قەبىلىلەرنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى كۆرسىتىلگەن. خەرىتىنىڭ ئەتراپىدا شەرق، غەرب، شىمال، جەنۇب تەرەپلەر ئېنىق قىلىپ سىزىلىپ ئىسمى يېزىلغان. غەربتە ئىدىل بويلىرى يەنى قىپچاقلار ۋە فىرەنكلىكلەرگىچە، غەربىي جەنۇبتا ھەبەشىستانغىچە، جەنۇبتا ھىندىستان، سىند (يەنى فىرانسىيە، گوللاندىيە)گىچە، شەرقتە يەجۈج-مەجۈج دىيارى، خىتاي ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان.
خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن بەزى شەھەرلەرنىڭ ئىسمى يېزىلماي قالغان ئەھۋاللار ۋە بەزى خاتالىقلار بولسىمۇ، مەھمۇت قەشقەرى سىزغان بۇ خەرىتە، يەنىلا بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋرگە نىسبەتەن پەۋقۇلئاددە بىر ئەھۋالدۇر. ياپونىيەنىڭ تۇنجى خەرىتىسى بىر ياپون تەرىپىدىن 14-ئەسىردە سىزىلغان بولۇپ، ياپونىيە دۇنيا خەرىتىسىگە 15-ئەسىردە كىرگۈزۈلگەن. بىز ئەگەر بۇ ئەھۋاللارغا قارايدىغان بولساق، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدە گەرچە بەزى نۇقسانلار بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ، ياپونىيە ۋە دۇنيا تەرەققىياتىدىن ئۈچ ئەسىردىن تۆت ئەسىرگىچە بۇرۇن تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئۆز قەلبىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلىرى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. لېكىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ مۇساپىرچىلىق ھاياتىدا ئۇنىڭ قەلبىدىكى ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىش ئوتى بارغانچە كۈچىيىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كېچە-كېچىلەپ ئاققان ياشلىرىنى پەقەت بىر ئاللاھ بىر ئۆزى بىلىدۇ. ئالىمنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلغىنىغا 23 يىل بولغان ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا قاراخانىيلار دۆلىتىدىكى قالايمىقانچىلىقلار ئاخىرلىشىپ بىر قانچە يىلدىن كېيىن، پادىشاھ ئابدۇجېلىل قەشقەرى ئەلچىلەرنى باغداد خەلىپىسى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ۋە خان ئۇرۇقى مەھمۇت قەشقەرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ.
مەھمۇت قەشقەرى 1080-يىلى قاراخانىيلار دۆلىتىدىن كەلگەن ئەلچىلەر بىلەن بىرگە باغدادتىن قاراخانىيلار دۆلىتىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتى ئوپالغا ماكانلاشقان، ھەم ئوپالنىڭ ئازاق دېگەن يېرىدە «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» نامىدىكى مەدرىسىنى بىنا قىلدۇرغان. كىشىلەر تەرىپىدىن «ھەزرىتى موللام» (يەنى، بىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم) دېگەن سۈپەت بىلەن 10 يىل ئەتراپىدا مۇدەررىسلىك قىلغان. ئالەمشۇمۇل ئۇيغۇر ئالىمى، «تۈرك تىلى دىۋانى»نىڭ مۇئەللىپى، داڭلىق تىلشۇناس، تۈركلوگ، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى رەھمەتلىك مەھمۇت قەشقەرى 1105-يىلى 97 ياشلىرىدا ۋاپات بولغان.
ئالىم مەدرىسىنىڭ سۇلتانباغ بىلەن تەكىياگاھ دېگەن جاينىڭ شىمال تەرىپىگە دەپنە قىلىنغان. ئالىمنىڭ قەبرىسى 1948-يىللىرى بىر قېتىم خەلق تەرىپىدىن رېمۇنت قىلىنغان. 1970-يىللىرى تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 1984-يىلى قايتىدىن ياسالغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2008-يىلىنى مەھمۇت قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «مەھمۇت قەشقەرى يىلى» دەپ ئېلان قىلدى. تۈركىيە، ياۋروئاسىيا يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى 2008-يىلىنى تۈرك تىلىنىڭ تۇنجى لۇغىتىنى يازغان بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىل بولغانلىقىغا ئاتاپ «مەھمۇت قەشقەرى يىلى» ئېلان قىلدى. ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تېخىچە تېپىلمىغان كىتابى «جاۋاھىرۇن نەھۋۇ فى لۇغەتىن تۈرك» ناملىق گىرامماتىكا كىتابىنى تاپقان كىشىگە 1000 ئالتۇن مۇكاپات بېرىشنى قارار قىلىپ ئېلان چىقاردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2008-يىلىنى مەھمۇت قەشقەرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتىكى تۇنجى پائالىيەت تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتا چاقىرىلدى. تۈركمەنىستان مىللىي مىراس ئىدارىسى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىكى ئورتاقلىشىپ، 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 21-، 22-كۈنلىرى «تۈركلوگىيەنىڭ قۇرغۇچىسى مەھمۇت قەشقەرى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپ 150 تۈركلوگ قاتناشقان. مىڭلارچە ئەپسۇسكى خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن بۇ بۈيۈك ئالىمنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر تۈركلوگلىرىدىن بىرەرسىمۇ كېلەلمىگەن.
بۈگۈن «تۈرك تىلى دىۋانى»نىڭ بىردىنبىر نۇسخىسى ئىستانبۇلدىكى مىللەت كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.
