كىرىش سۆز ۋە نەشر ئۇچۇرلىرى
This content is not yet available in your language.
نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن
بۆلۈم: “نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن”(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
بارچە ماختاش ۋە ئۇلۇغلاشلار ئول ئاللاھ تائالاغا بولغايكىم، جىمى مەۋجۇدات پەقەتلا ئۇ زاتتىن ياردەم ۋە مەغپىرەت تىلەيدۇ. تۈگىمەس دۇرۇد ۋە سالاملار ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھاب كىراملىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولغاي.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! قولىڭىزدىكى «مۇختەسەرۇ مىنھاجىل قاسىدىن» ئاتلىق نەسىھەت تۈرىدىكى ئەسەر بولۇپ، تۆت مەشھۇر ئالىمنىڭ ئالاھىدە ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ يىغىندىسى ۋە جەۋھىرى بولۇش سۈپىتىدە مەنىۋى ئوزۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئەسەردۇر. ئەسەر ئالدى بىلەن ھۆججەتۇل ئىسلام ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد ئەلغەززالىينىڭ (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش / إحياء علوم الدين)» ئاتلىق ئەسىرىگە تايانماقتا بولۇپ، ئۇ ئەقىدە، فىقھ، ئەخلاق، ۋەز-نەسىھەت ۋە سۇلۇك قاتارلىق چېتىشلىق ساھەسى كەڭ مەشھۇر يىرىك ئەسەردۇر. ھىجرى 488 – 499 (م. 1096 – 1106) يىللار ئارىسى 11 يىلغا يېقىن مۇددەتتە يېزىپ تاماملانغان بۇ ئەسەر تۆت بۆلەككە، ھەر بۆلەك ئون بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، نۆۋەت بىلەن بىرىنچى بۆلەكتە ئىبادەتلەر، ئىككىنچى بۆلەكتە ئادەتلەر، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بۆلەكلەردە، يەنى كىتابنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا، سۇلۇك ۋە ئەخلاق ساھەسىدىكى ئىنساننى ھالاكەتكە تاشلايدىغان قىلىقلار ۋە ھالاكەتتىن قۇتقۇزىدىغان ئەمەللەر ھەققىدە سۆزلەنگەن. ئەسەر ئىبادەتلەرنىڭ سىرلىرى، ئۇلارغا يوشۇرۇنغان روھىيەت، دىننىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە ئۇنى ھاياتقا تەتبىقلاش ھەمدە نەپسنى پاكلاش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى بىلەن ئىسلامنى ھەر تەرەپتىن تونۇش ئۈچۈن مۇھىم بولغىنىدەك، ئىسلام ئىلىملىرىنى قايتا ياشارتىش ۋە ئىلىمنىڭ شىئارىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈنمۇ بىباھا ئەسەردۇر.
ئىمام غەززالىي مەزكۇر چوڭ ھەجىملىك ئەمگىكىنى بىر تەرەپتە شەيتاننىڭ (ئاللاھنىڭ لەنىتى ئۇنىڭغا بولسۇن) ئازدۇرۇشىغا گىرىپتار ئاۋام خەلق كۆرسە، يەنە بىر تەرەپتە دىننى ئۆزئارا تۆر تالىشىش، ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى ۋە ھاكىمىيەتنىڭ خەلقنى تىزگىنلەش قورالى قىلىۋېلىشىغا ماسلىشىۋاتقان ئەھلى ئىلىم ئۆلىما زامانداشلىرىنى كۆرۈپ، قەلبلەردە ئىخلاسنى ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ھەر ئىشتا ئىخلاسنى ئاساس ۋە شوئار قىلىشتەك سەلەف سالىھلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە يېزىپ چىققان. جەمئىيەتنى توغرا ئىسلام ئەقىدىسىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن، بىر ئىدېئولوگىيە چەمبىرى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشقان. دىن ۋە ئەقىدە مەسىلىلىرى بىلەن بىرگە پسىخىكا، جەمئىيەت، ئەخلاق، سىياسەت ۋە تەربىيە تېمىلىرىدا توختىلىپلا قالماي، ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىمۇ بايان قىلغان.
«ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» ئۆز زامانىدىن تارتىپ ھەر دەۋر ئىسلام ئالەمىدە ئالىم-ئەللامىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت-ئېتىبارىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، ئەسەرگە ئەللامە مۇرتەزا ئەززەبىيدىي (ھ. 1145 – 1205 / م. 1732 – 1790) «ئىتھافۇسسادە ئەلمۇتتەقىين بىشەرھى ئىھيائى ئۇلۇمىددىن (مۇتتەقىي زاتلارغا ھەدىييە / إتحاف السادة المتقين بشرح إحياء علوم الدين)» نامىدا 14 جىلدلىق بۈيۈك شەرھ يازغان بولسا، مۇھەددىس زەينۇددىن ھافىز ئىراقىي (ھ. 725 – 806 / م. 1325 – 1403) «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»دىكى ھەدىسلەرنىڭ تەخرىجىگە دائىر چوڭ («ئىخبارۇل ئەھيائ») ۋە ئوتتۇرا («ئەلكەشفۇل مۇبىن») ھەجىملىك ئىككى ئەسەر يازغان. ھافىز ئىراقىي ساقلاش ۋە سەپەرلەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن، بۇ ئىككى ئەسىرىنى بىرلا ئەسەرگە ئىخچاملىغان ۋە ئۇنى «ئەلمۇغنىي ئەن ھەملىل ئەسفار فىل ئەسفار، فى تەخرىجى ما فىل ئىھيائى مىنەل ئەخبار / المغني عن حمل الأسفار في الأسفار، في تخريج ما في الإحياء من الأخبار» دەپ ئاتىغان. ھافىز ئىراقىينىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس شىھابۇددىن ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي (ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) ئۇستازى كەم قويغان يەرلەرنى «ئەلئىستىدراك (الاستدراك)»تا تولۇقلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن شەيخ قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغا (ھ. 802 – 879 / م. 1399 – 1474) ھەدىسلەرنىڭ ھۆكۈملىرىدە كەم قالغان ئورۇنلارنى «ئىتھافۇل ئەھيائ بىما فاتە مىن تەخرىجى ئەھادىيسىل ئىھيائ / إتحاف الأحياء بما فات من تخريج أحاديث الإحياء»نى يازغان.
ئىمام غەززالىي مەزكۇر ئەسىرىنى يېزىشتا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن مۇتەسەۋۋىف، زاھىد، مۇھەددىس شەيخ ئەبۇ تالىب مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەتىييە ئەلمەككىي ئەلھارىسىي (ئۆ. ھ. 386 / م. 996) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇنىڭ «قۇتۇل قۇلۇب فى مۇئامەلەتىل مەھبۇب ۋە ۋەصفۇ تەرىقىل مۇرىد ئىلا ماقامىت تەۋھىد (ئاللاھقا بولغان مۇئامىلىدە قەلبلەر ئوزۇقى ۋە بەندىنىڭ تەۋھىد ماقامىغا تۇتقان يولىنىڭ سۈپىتى / قوت القلوب في معاملة المحبوب ووصف طريق المريد إلى مقام التوحيد)» دېگەن كىتابىدىن كۆپ پايدىلانغان ۋە نەقىل ئالغان. ئىككى ئەسەرنى سېلىشتۇرۇپ قارىغانلا كىشى بۇنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.
«ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»نىڭ مۇختەسەرلىرى، يەنى ئىخچاملىنىشىغا كەلسەك، ئىمام غەززالىينىڭ ئۆزىلا مەزكۇر ئەسىرىدە بايقىغان چۈشىنىكسىز جايلارنى ئىزاھلاپ «ئەلئىملاﺋ ئەلا مۇشكىلىل ئىھيائ / الإملاء على مشكل الإحياء» (بۇ رىسالە «ئەلئەجۋىبە ئەلمۇسكىتە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئاتلىق بىر رىسالە يازغان. ئىمام غەززالىينىڭ قېرىندىشى شەيخ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلغەززالىي (ھ. 520 / م. 1126) «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»نى تۇنجى قېتىم «لۇبابۇل ئىھيائ / لباب الإحياء» نامىدا يىغىنچاقلىغاندىن كېيىن، مۇختەسەرلەر ئارقىمۇئارقا يېزىلىپ داۋاملاشقان. مەشھۇرراقلىرىدىن مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئەلئەجۇلۇنىي ئەلبىللالىي (ھ. 750 – 820 / م. 1349 – 1417، «قۇتۇل ئەھياﺋ مىن كىتابىل ئىھيائ / قوت الأحياء من كتاب الإحياء»)، مۇھەممەد ئىبنى سەئىد ئەليەمەنىي (ھ. 595 / م. 1199)، ئىمام جالالۇددىن ئەھمەد ئىبنى مۇسا ئەلمۇسۇلىي (ھ. 575 – 622 / م. 1179 – 1225)، ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئوسمان ئىبنى ئۆمەر ئەلبەلخىي (ھ. 830 / م. 1427، «ئەينۇل ئىلمى ۋە زەينۇل ھىلم / عين العلم وزين الحلم»، ئەلبەلخىينىڭ مۇختەسەرىنى موللا ئەلى قارىي شەرھىلىگەن)، ھەمدە سۇيۇتىي (ھ. 849 – 911 / م. 1445 – 1505) قاتارلىقلار يازغان مۇختەسەرلەر بولۇپ، شام دىيارىدىن ئەللامە جامالۇددىن قاسىمىي (ھ. 1283 – 1332 / م. 1866 – 1914) مۇ «مەۋئىزەتۇل مۇئمىنىن مىن ئىھيائى ئۇلۇمىددىن» دەپ ئىخچاملىغان.
ئاشۇ تەرىقىدە ئىخچاملاشلار كۆپ بولغان. ئاتاقلىق مۇھەددىس، تارىخچى، فەقىھ ئىمام جامالۇددىن ئەبۇلفەرەج ئىبنۇلجەۋزىي (ھ. 510 – 597 / م. 1116 – 1201) كىتابنىڭ زەئىف ۋە توقۇلما ھەدىسلىرىنى، كۈچىنىڭ يېتىشىچە، سەھىھ ھەدىسلەرگە ئالماشتۇرۇپ، ئىخچاملاپ ئۇنى «مىنھاجۇل قاسىدىن ۋە مۇفىيدۇسسادىقىين (ئاللاھقا تەئەللۇق قىلغۇچىلارنىڭ يولى ۋە راستچىللارنىڭ مەنپەئەتكارى / منهاج القاصدين ومفيد الصادقين)» دەپ ئاتىغان. مەزكۇر ئەسەرنى قازى، فەقىھ، دىننىڭ يۇلتۇزى، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي (ھ. 651 – 689 / م. 1253 – 1290) «مۇختەسەرۇ مىنھاجىل قاسىدىن» نامىدا تېخىمۇ يىغىنچاقلىغان.
كىتابنىڭ ۋەز-نەسىھەت ۋە روھىي تەربىيە جەھەتتىكى قىممىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 2018- يىلى «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن تەرجىمە ۋە نەشر پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. بىر مۇددەت مۇناسىپ تەرجىمان ئىزدەپ، تەرجىمە ئىشى، ئاخىرى ئابدۇللاھ قارىھاجىمغا تاپشۇرۇلدى. تەرجىمە بىر يىلغا قالماي تاماملىنىپ، بىرنەچچە قېتىم قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەھرىرلەشتىن ئۆتتى. كىتابنىڭ ھەدىس تەخرىجلىرى ۋە بەزىبىر كېرەكلىك ئىزاھاتلار بارىدا ئەرەبچە 5-6 خىل نەشرىدىن پايدىلىنىلغان بولسىمۇ، ئەرەبچە نەشرلەردە تەخرىج قىلىنمىغان ۋە مەنبە كۆرسىتىلمىگەن نۇرغۇن ھەدىس ۋە رىۋايەتلەر پېقىر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھنىڭ بىر قوللۇق ئىشلىشى بىلەن تەخرىج قىلىنىپ، مەنبەلەر كۆرسىتىلدى. ئەسەر قايتا-قايتا ئىخچاملانغان بولغاچقا دەمئاللىققا چۈشىنىش تەسرەك بولۇپ قالغان جايلار «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»دىكى ئەسلىگە مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق يورۇتۇلدى ھەمدە تېگىشلىك ئورۇنلارغا مۇھىم ئىزاھلار كىرگۈزۈلۈپ، سىز كۆرۈپ تۇرغان ھالغا كەلتۈرۈلدى.
مەزكۇر تەرجىمىنىڭ تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ۋە مەنپەئەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى:
-
تىلىنىڭ ئاممىباب بولۇشىغا ئالاھىدە كۈچەش بىلەن بىرگە بەزى ئەرەبچە دىنىي ئاتالغۇلار ئەسلىگە ئەڭ يېقىن شەكىلدە بېرىلىشكە دىققەت قىلىندى؛
-
كىتابتا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئەرەبچە ئەسلى بېرىلمەي، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىلا بېرىلدى. ئايەت تەرجىمىلىرىدە، ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تەرجىمىسى ئاساس قىلىنغان ھالدا كونكرېت نۇقتىلاردا مەزمۇن بىردەكلىكىنى ساقلاش ۋە ئاڭلىتىلغان مەناغا سادىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە تەرجىمىسى بېرىلدى؛
-
قىسمەن دۇئالار يادلاشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئەرەبچە بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمە تەڭ بېرىلدى.
ئەسەردە كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەرنىڭ ئاخىرىغىلا سۈرە نامى ۋە ئايەت نومۇرى ئۈست تىرناق «( )» ئىچىدە بېرىلگەن بولۇپ، تەرجىمىدە ئىزدەش تېخىمۇ قولاي بولسۇن ئۈچۈن، «سۈرە تەرتىپ نومۇرى+سۈرە نامى-ئايەت نومۇرى» شەكلىدە بېرىلدى. مەسىلەن: «ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن» «22ھەج-26». ھەدىس تەخرىجلىرى ۋە باشقا ئىزاھاتلار بولسا ھاشىيەدە بېرىلدى. ھەدىس تەخرىجلىرىدە ئەڭ سەھىھ مەنبە تاللىۋېلىندى ۋە ئەينى كىتابتا تەكرارلانغان بولسا، بىرلا ھەدىسكە ئىشارە قىلىندى. مەسىلەن: بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (71)؛ مۇسلىم (1037). ئەگەر ئەسەر كۆپ توملۇق بولسا، توم سانى/بەت شەكلىدە بېرىلدى. مەسىلەن: ھاكىم (1/494).
-
كىتابنىڭ ئەرەبچە نەشرلىرىدە بېرىلمىگەن، تەرجىمە جەريانىدا ھاشىيەدە ئىلاۋە قىلىنغان ئىزاھاتلار ئالاقىدار كىتاب، مەنبەلەردىن ئەينەن ئېلىنىپ ياكى قىسقارتىلىپ قوشۇلدى ۋە ئاخىرىغا «— ت.» (تەھرىردىن) ئىشارىتى بېرىلدى؛
-
يىلنامىلەر ھىجرىيە (ھ.)، مىلادىيە (م.) شەكلىدە قىسقارتىلىپ ئىپادىلەندى.
ئەلبەتتە، بۇ ناجىزانە تىرىشچانلىقىمىز بەزى قۇسۇرلاردىن خالىي ئەمەستۇر. بۇ خۇسۇستا كەڭ ئوقۇرمەن قېرىنداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالانىڭ بىزنى توغرا يولدا ماڭغۇچىلاردىن ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغانلاردىن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»
22- جامادىيەلئەۋۋەل، 1445- ھ. / 6- دېكابىر، 2023- م.
مۇقەددىمە
بۆلۈم: “مۇقەددىمە”(مۇئەللىف)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمىز، پەقەت ئۇ زاتتىنلا مەدەت تىلەيمىز ۋە خوجىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد-سالاملار يوللايمىز.
دىننىڭ يۇلتۇزى، ئىمام ئەبۇلئابباس بولسا شەيخۇلئىسلام، پەرھىزكار زاھىد، ھەقنى تونۇغان، ئىلمىگە ئەمەلچان، ئالىم، شەيخ، دىننىڭ ئىززىتى ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەدنىڭ ئوغلىدۇر. ئۇ بولسا دىننىڭ قۇياشى، ئالىملار ۋە ھاكىملارنىڭ رەھبىرى، ئىنسانىيەت مۇفتىسى، شەيخۇلئىسلام، ئىبادەتگۇي ئەللامە، ئىلمىگە ئەمەلچان، زاھىد، ئالىم، ئىمام ۋە شەيخ ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇرراھماننىڭ ئوغلىدۇر. ئۇ شەيخۇلئىسلام، پەرھىزكار زاھىد، ئىلمىگە ئەمەلچان، ئالىم، ئىمام، شەيخ ئەبۇ ئۆمەر ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي ئەلھەنبەلىينىڭ (ھ. 541 – 620 / م. 1147 – 1223، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي) ئوغلىدۇر.
دىننىڭ يۇلتۇزى، تەڭداشسىز ئەللامە، ئىبادەتگۇي زاھىد، ئىلىملىك شەيخ ۋە ئىمام ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئېيتۇر:
جىمى گۈزەل ئۆگدۈ ۋە ماختاشلار رەھمىتى بارلىق بەندىلەرگە ئورتاق، ئۆزىگە ئىتائەت قىلغانلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغۇچى، تەۋپىق بېرىپ ئۇلارنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغۇچى ۋە مەقسەتلىرىگە ئېرىشتۈرگۈچى زات ئاللاھقا بولسۇن.
نېئمەتلىرى مول، سېخىيلەر سېخىيسى ئاللاھنى ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ۋە ئول ئاللاھقا سىغىنىپ ھۇزۇرىدىن قوغلىنىش ۋە سۈرگۈن قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن ۋە يەنە ناجىزانە گۇۋاھلىق بېرۇرمەنكى، ئاخىرەت كۈنى ئۈچۈن ساقلايدىغان ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر!
يەنە گۇۋاھلىق بېرۇرمەنكى، ھەق يولدىن چەتنىگەن ۋە سەركەشلەرنى، دىنسىز ۋە مۇرتەدلەرنى تىز پۈكتۈرگۈچى، ھىدايەت ۋە توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇ زاتقا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بىر-بىرىدىن جەسۇر، ھۆرمەتكە سازاۋەر ساھابەلىرىگە ئارزۇ ۋە مەقسەتلەرنى ۋايىغا يەتكۈزگۈچى رەھمىتى بىلەن مۇئامىلە قىلسۇن.
مەقسەتكە كەلسەك: قايسىبىر كۈنى تەڭداشسىز ئالىم، ئىمام، شەيخ جامالۇددىن ئىبنۇلجەۋزىينىڭ — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — «مىنھاجۇل قاسىدىن ۋە مۇفىدۇسسادىقىن (ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ يولى ۋە راستچىللارنىڭ مەنپەئەتبەخشى)» دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ قالدىم. شۇندا ئۇ كىتابنىڭ پايدىلىرى بەك كۆپ، تولىمۇ مەنپەئەتلىك، مۇھىم كىتابلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇڭىمۇ ئۇ كىتاب قەلبىمدە بەغايەت يۈكسەك ئورۇنغا ئېرىشتى ۋە كىتابنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىش ھەم تەھسىل قىلىشقا قىزىقىپ قالدىم. كىتابنى قايتا ئوقۇغىنىمدا ھېس قىلدىمكى، ئەسلىدە ئۇ كىتاب مەن ئويلىغاندىنمۇ ئېسىل كىتاب ئىكەن. شۇنداقتىمۇ كىتاب سەل كەڭ دائىرىلىكتەك بىلىندى. بولۇپمۇ كىتابنىڭ بېشىدىكى قوشۇمچە، ئەھكامغا دائىر مەسىلىلەر ئەل ئىچىدە مەشھۇر فىقھىي كىتابلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر بولۇپ، ھالبۇكى بۇ كىتابنىڭ ئاساسىي مەقسىتى فىقھىي مەسىلىلەر ئەمەس ئىدى. شۇل بائىس، ئۇشبۇ كىتابنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ، كىتابنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان شاخچە مەسىلىلەرگە ئالاقىدار ھەممىگە تونۇش مەسىلىلەرنى قويۇپ، ئەڭ پايدىلىق، ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىنى ۋە ئەسل مەقسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇختەسەر — ئىخچاملىما يېزىپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم.
پېقىر ئۇشبۇ مۇختەسەرنى تەييارلاشتا «مىنھاجۇل قاسىدىن ۋە مۇفىدۇسسادىقىن»نىڭ ئەسل تەرتىبى ۋە مەزمۇنلىرىنى سۆزمۇسۆز ئەينەن ئالمىدىم. بەلكى ئەسل مەقسەتكە يارىشا قىسقا، ئىخچاملىقنى ئاساس قىلىپ، زۆرۈر سۆزلەرنى مەنىسى بىلەن بايان قىلدىم. بەزىدە ئېھتىياجغا يارىشا كىتابتا بولمىغان ھەدىسلەرنى ۋە ئازغىنە مەزمۇنلارنى قوشتۇم. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مۇئەللىف ئەبۇلفەرەج ئىبنۇلجەۋزىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇركى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)، جىمى ھەمدۇسانا غەپلەت ئۇيقۇسىدىكىلەرنى زورمۇزور ئويغاتقۇچى؛ ئاداشقۇچىلارنى ۋائىز ۋە نەسىھەتگۇيلارنىڭ يېقىملىق سۆزلىرى بىلەن تەۋبە قىلدۇرۇپ، خاتالىقلىرىدىن پاكلىغۇچى؛ ئارىفلارغا خىلۋەتلەردە ئەڭ شېرىن سۆز ۋە ئەھدلەردە بولغۇچى؛ زاھىدلارغا ئەدەبنى ئەلا بىلدۈرۈپ، ئەڭ ئېسىل ئەمەللىرىدىمۇ كۆز قىلىشتىن ئەيمەندۈرگۈچى؛ نەپسكە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلارنى ئورنىدىن بەئەينى ياۋۇز شىرنىڭ ئېتىلىشىدەك دەس تۇرغۇزغۇچى؛ بەندىلەرنى رىئايەت تەلەپ قىلىنغان بەلگىلىمىلەرگە سۆزسىز رىئايە قىلىشى ۋە «ئىلاھىي بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلارلا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ» دېگەن ھېكمەتكە چىنپۈتكەن ھالدا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشى ئۈچۈن ئەدەبلەپ، ئۇلارنى ئەڭ ئېسىل ھەۋەسلىرى بىلەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ئاللاھ تائالاغا بولسۇن. ھەردائىم ۋە سانسىز ھەمدۇسانالىرىم ئول ئاللاھ تائالاغا بولغاي.
ئۇكاز كۈنلىرى ئېلىپ كەلگەن ھەق بىلەن ئاتاقلىق زۇۋاندارلارنى مات قىلغان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ھەقىقىي ئىمان، تەقۋا ۋە ئېھتىيات ئەھلى بولمىش ساھابەئى كىراملەرگە دۇرۇد-سالاملار يوللايمەنكى، ئۇشبۇ دۇرۇدۇ سالاملار بىلەن «ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان» «66تەھرىم-6» يالقۇنلۇق جەھەننەمنىڭ ھارارىتىدىن پېقىر ئامان قالغايمەن…
پېقىر بۇ كىتابىمنى «ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ يولى ۋە راستچىللارنىڭ مەنپەئەتبەخشى / مىنھاجۇل قاسىدىن ۋە مۇفىدۇسسادىقىن» دەپ ئاتىدىم.
كەرەملىك ئاللاھ تائالادىن تىلىكىمىز ئۇشبۇ كىتابنى بىزگە ھەمدە بۇنى ئوقۇغان، ئاڭلىغان، ھەتتا قارىغان ھەممەيلەنگە مەنپەئەتبەخش قىلغاي؛ مەزكۇر كىتابنى ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلىنغان خالىس ئەمەللەر قاتارىغا تىزغاي؛ بىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان سۆز، نىيەت ۋە ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلغاي؛ ھەرقانداق سەل قاراپ قېلىش، قۇسۇر ۋە كەمچىلىكلىرىمىزنى كەچۈرگەي؛ بىزنى ئۆز نەپسىمىزگە ۋە ھېچبىر فانىي مەخلۇقاتقا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ تاشلاپ قويمىغاي ۋە ئۆمرىمىزنى ياخشىلىق ئۈزرە ئاخىرلاشتۇرغاي. ھەقىقەتەن ئاللاھ بىزگە يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي-ھە!
ئەي ئاللاھ رىزاسىنى ئىزدىگۈچى راستچىل ۋە قەتئىي ئىرادىلىك كىشى! كۆردۈمكى، كىشىلەر بىلەن (زىيادە كۆپ) ئارىلىشىشنىڭ توغرا-خاتانى پەرقلەندۈرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، قۇسۇرلارنىڭ ئاساسىي مەنبەسىنىڭ دەل نەپستىن ھېساب ئېلىشقا سەل قاراش ئىكەنلىكىنى، ئەگەر كىشى ئۆمۈرنىڭ بارىدا ئۆز نۇقسانلىرىنى تۈزەتمىسە پۇرسەتنىڭ كېتىدىغانلىقىنى، ھەربىر تىنىقنىڭ ئاخىرەت يولۇچىسىنى ئۆلۈم مەنزىلىگە يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلگىنىڭ ئۈچۈن، كۆڭلۈڭدە بۇ ئېزىتقۇ دۇنيانىڭ بىھۇدە نەرسىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە بەل باغلاپ، ئاخىرەتكە يۈزلىنىشنى قارار قىلىپسەن. پېقىر سېنىڭ خىلۋەتخانەڭدە تەنھالىقىڭغا قايسى كىتابنى ھەمراھ قىلىپ، جىمجىتلىقىڭنى قايسى كىتابنى ئوقۇش بىلەن مەنىگە ئېرىشتۈرۈشۈڭ ھەققىدە ئويلاندىم. بىلىمەن، سەن «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» دېگەن كىتابنى شۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى ۋە تولىمۇ قىممەتلىك بىردىنبىر كىتاب دەپ قارايسەن. ئەمما ئۇققىنكى، «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»دا ئاۋام خەلق بىلەلمەيدىغان خەۋپلەر بار. بۇ خەۋپلەرنىڭ ئەڭ يەڭگىلى «مەۋقۇف» ھەدىسلەرنىڭ «مەرفۇئ» شەكىلدە كېلىشى، (ئېغىرراقى) توقۇلما، ھەتتا باتىل ھەدىسلەرنىڭ كىتابتا كەلتۈرۈلۈشىدۇر. ئەلبەتتە ئىمام غەززالىي ئۇ ھەدىسلەرنى ئۆزى توقۇغان ئەمەس، بەلكى كۆرگىنى بويىچە نەقىل قىلغان. لېكىن، يالغان ھەدىس بىلەن ئىبادەت قىلىش ۋە ياسالما سۆزلەرگە ئالدىنىپ يۈرۈش دۇرۇست بولمايدۇ.
مەسىلەن، كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھتىن ھېچقانداق ھەدىس كەلمىگەن تۇرۇپمۇ شۇ كىتابتا كەلتۈرۈلگەن كۈندۈز ۋە كېچە نامازلىرىنى ئوقۇشىغا كۆڭۈل قانداقمۇ ئۇنىسۇن؟! بىغۇبار قۇلاقلارنىڭ ئىمام غەززالىي توپلىغان ۋە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان «ئەلفەنائ»، «ئەلبەقائ»، «بىھۇدە»، «قاتتىق ئاچلىققا چىداش»، «جاھان كېزىش»، «چۆل - جەزىرىگە ئوزۇق - تۈلۈكسىز كىرىش» دېگەندەك سوپىلارنىڭ پۈچەك سۆزلىرىنى ئاڭلىشىغا قەلب قانداقمۇ چىداپ تۇرالىغاي؟! شۇڭا كەمىنە سەن ئۈچۈن شۇنداق بىر كىتاب تۈزۈپ چىقايكى، «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»نىڭ يوشۇرۇن خەۋپلىرى نېرى قىلىنىپ، پايدىلىرىلا ئېلىنغاي، ئەڭ سەھىھ ۋە ئەڭ مۆتىۋەر رىۋايەتلەر، ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ ياخشى ھېكمەتلەر كىرگۈزۈلگەي. تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىك يەرلەرنى تاشلىۋېتىپ، قوشۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى قوشاي.
ئىنسان بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن نەپسىڭنىڭ ئاللاھ تائالا ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە ئۇنى كامىل باشقۇرۇش ئۈچۈن تەركىدىيار بولماق قارارىڭ راست بولىدىغان بولسا، بۇ مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتا تايىنىدىغان نەرسەڭ ئىلىم بولسۇن. نەپسىڭ ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلىرىڭنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلغىنكى، ئۇنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالغايسەن.
شۇ ئىككى كىشىنىڭ يولىدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىن:
بىرىنچىسى، فىقھىي مەسىلىلەرگە پىششىق قازى بولۇپ شۇ قازىلىقىنى ياكى ئۆز كۆڭلىدىكىدەك يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشكەن بولۇپ، شۇ مەنسەب-مەرتىۋىسىنى ساقلاپ قېلىش كويىدا دەبدەبىلىك ۋەز، ھەتتا كۆپتۈرۈلگەن نەسىھەتلەر بىلەن خالايىقنىڭ كۆزىنى خىرەلەشتۈرگەن كىشىنىڭ (يولىدىن ساقلان).
ئىككىنچىسى، ئېتىقادى بۇزۇق، ئىش-ھەرىكىتى باتىل، بىراۋلارغا قوللىرى-يۇ پەشلىرىنى سۆيدۈرۈپ، ئۆزىنى مۇبارەك زات سانايدىغان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ھەق يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ھاۋايى-ھەۋىسى بىلەن ئەمەل قىلىدىغان كىشىنىڭ (يولىدىن ساقلان).
بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشى ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئاداشقان، ئەمەللەرنىڭ مېغىزىنى تاشلاپ قويۇپ، شاكاللىرىغا ئېسىلىۋالىدىغان، ئەمەل-ئىبادەتكە يېڭى باشلىغان كىشىلەرنى يىلىنجاپ تۇرغان ئېزىتقۇلار بىلەن ئالدايدىغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولى سەلەف سالىھلەرنىڭ يولى بولمىش ھەق ۋە ئامانلىق يولىغا زىت خاتا بىر يولدۇر.
ئاللاھ خاھلىسا ئۇشبۇ كىتاب ساڭا مەزكۇر ئاداشقانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە دالالەت قىلىدىغان خۇسۇسلاردىن خەۋەر بەرگەي.
كىتابىمىز ئىلىمنىڭ بوسۇغىسىدىكى كىشىنىڭلا ئەمەس، ئىلىمدە پىشقان كىشىنىڭمۇ ئېھتىياجىغا داۋا بولغاي. چۈنكى، بۇ كىتابتا ئىبادەتلەرنىڭ سىرلىرى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى خەۋپ-ئاپەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇشلار بايان قىلىنىدۇ.
كىتابىمىز تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى: ئىبادەتلەر قىسمى؛
ئىككىنچى: ئادەتلەر قىسمى؛
ئۈچىنچى: ھالاك قىلغۇچى ئىشلار قىسمى؛
تۆتىنچى: ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئىشلار قىسمى.
بۇ تۆت قىسىمنىڭ ھەربىرى بۆلۈملەر، بابلار ۋە پەسىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىزاھاتلار:
- ئارىف (اَلْعَارِفُ): ئەرەب تىلىدا: «تونۇغۇچى، تونۇپ يەتكۈچى» دېگەن مەنىدە، ئەھلىسۈننەت ئىستىلاھىدا: «ئاللاھنى تونۇغۇچى، ئاللاھنى ياخشى كۆرگۈچى، ئاللاھنىڭ شەرىئەتى بىلەن ئەمەل قىلغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكۈچى» دېگەنلىكتۇر. ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ: «ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىدىكى، شەرىئەتىدىكى ۋە يارىتىشىدىكى ھېكمەتنى تونۇپ يەتكۈچى، ئۇ زاتقا ئىبادەت قىلىشتا ۋە ئۇ ئىبادەتتىن ئاللاھنىڭ نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن بەسىرەت ئەھلى» دەپ تەرىپلەيدۇ. قاراڭ: ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1/97؛ مۇھەممەد سالىھ: «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت»، 2/196. — ت.
- ئۇكاز كۈنلىرى (سُوقُ عُكَاظٍ): ئۇكاز بازىرى بولىدىغان كۈنلەر بولۇپ، «ئۇكاز بازىرى» جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ مەشھۇر ئۈچ بازىرىدىن بىرى ئىدى، ھازىرقى تائىف شەھرىنىڭ 40 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان. بۇ بازار مىلادىدىن 501 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇپ، جاھىلىيەتتە ئەرەبلەرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تەشۋىقات مەركىزى بولغان. ئەرەبلەر ھەر يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا بۇ بازاردا 20 كۈن ئېلىم-سېتىم قىلىپ، مۇشائىرەلىشىپ، زۇلقەئدەنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىنى مىجەننە بازىرىغا بېرىپ ئۆتكۈزەتتى. زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى 8 كۈنىنى بولسا زىلمەجاز بازىرىدا ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن مىناغا ھەج ئۈچۈن يۈرۈپ كېتەتتى. بۇ بازار ئىسلامىيەتتىن كېيىن يوقالغان. — ت.
- «تەلبىسۇ ئىبلىس (تَلْبِيسُ إِبْلِيسَ)»: ئىبنۇلجەۋزىي يازغان قىممەتلىك ئەسەرلەردىن بىرى بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئىسمى ۋە مەزمۇنى «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»دىن ئېلىنغان ۋە تەنقىدىي ئۇسلۇبتا بېيىتىلغان. 13 بابلىق ئەسەردە مۇئەللىف شەيتاننىڭ پىتنىلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، شەيتاننىڭ ئويۇنلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان. — ت.
- ئەلفەنائ (اَلْفَنَاءُ): «يوقىماق، پانىي بولماق» دېگەن مەنىدىكى تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ، ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
- قەلبنىڭ تەۋەككۇل قىلىش، ئىبادەت قىلىش ۋە بۇلارغا ئالاقىدار ئىشلاردا پەرۋەردىگارىدىن باشقىنى كۆزلىمەسلىكى، قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىغا ئىبادەت قىلىشتىن يوقىلىشى (اَلْفَنَاءُ عَنْ عِبَادَةِ السِّوَى)دۇر. بۇ ھەق ۋە توغرا بولۇپ، ساپ تەۋھىد ۋە ئىخلاستىن ئىبارەت؛
- قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىنى كۆرمەسلىكى (اَلْفَنَاءُ عَنْ شُهُودِ السِّوَى). بۇ تۈردە كەمچىلىك بار؛ بۇ كۆپلىگەن سالىكلار ئۇچرايدىغان ھالەت بولۇپ، ئەڭ كۆپ مەقسەت قىلىدىغىنىمۇ مۇشۇ تۈردۇر. بۇ تۈر تەسەۋۋۇف ئەھلىنىڭ ئىزاھلىشىچە: «ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسىنىڭ ھەتتا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ كۆرۈشى ۋە ھېس قىلىشىدىن يوقىلىشى»دۇر. بۇ ئەھۋال بىر خىل ئۆزىنى يوقىتىش بولۇپ، «مەستلىك»، «قومۇرۇش»، «ئۆچۈرۈش» ۋە «جەملەش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەھبۇبنى كۆرۈش غالىب كەلسە ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشى، نەتىجىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرىكىپ، «بىرلەشتىم»، ھەتتا «مەن ئۇنىڭ ئۆزى شۇ» دەپ ئويلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، ئەقلىگە كەلگىنىدە ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار پەرۋەردىگاردۇر، بەندە بەندەدۇر. خالىق باشقا، مەخلۇقات باشقىدۇر. مەخلۇقاتلاردا خالىقنىڭ زاتىدىن، خالىقنىڭ زاتىدا مەخلۇقاتلاردىن ھېچبىر نەرسە يوقتۇر. لېكىن، فەنائ ۋە مەستلىك ھالىتىدە ھوشىنى يوقىتىپ ئالىجوقا جۆيلۈپ سېلىشى ئېھتىماللىق ئىش. مۇبادا ئەقىل-ھوشى جايىدا چاغدا بۇ تۈرلۈك ئالىجوقا گەپلەرنى قىلسا، بۇ ئەلبەتتە ئازغۇنلۇق بولاتتى. بۇ ۋەجدىن ھوشىنى يوقىتىش سەۋەبلىك گۇناھ يېزىلمايدۇ. بۇ تۈرلۈك ئۆزىنى يوقىتىش كامالەت ياكى ياخشى سۈپەت ئەمەس، تەرغىبمۇ قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ ئىگىسى ئەقلى جايىدا بولمىغانلىقتىن قەدىم بىلەن ھادىسنى ئايرىيالمىغانلىقىدا ئۆزرىلىك سانىلىدۇ؛
- قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى تونۇشىدىن يوقىلىشى (فَنَاءٌ عَنْ وُجُودِ السِّوَى) بولۇپ، بۇ تۈر تەسەۋۋۇف ئەھلىنىڭ ئىزاھلىشىچە: «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرگەۋدىلىشىش نەزەرىيەسىنى ياقىلىغانلارنىڭ فەنائسى بولۇپ، ئۇلار مۇتلەق بىرلىكتە يوقىلىشنى نىشان قىلىدىغان، مەۋجۇدىيەتتىن كۆپلۈك ۋە ساننى نەفيى قىلىدىغان، نەتىجىدە ئۆزگەنى ئەسلا كۆرمەيدىغان، بەلكى بەندىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى پەرۋەردىگارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئۆزى دەپ قارايدىغانلاردۇر». مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە پەرۋەردىگار ۋە بەندە يوق بولۇپ، بۇ خىل يوقىلىشتا «تائەت» ياكى «مەئسىيەت» دېگەن نەرسە ھەم بولمايدۇ. چۈنكى، «تائەت ۋە مەئسىيەت» دېگەن ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ئىتائەت قىلىنغۇچىدىن ئىبارەت ئىككىلىكنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئىككىلىك بولسا ئۇلارنىڭ نەزەرىدە شىركتۇر. ئەمما، ئىمام ئىبنى تەيمىييەدەك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بولسا، بۇ ئۈچىنچى تۈر ئېغىر دەرىجىدە زىندىقلىق ۋە ئازغۇنلۇق بولۇپ، بۇ: «پۈتۈن مەۋجۇدلۇق پەقەت ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا مەۋجۇدلۇق يوق» دېگەنلىك بولغاچقا، بۇ تۈر كېيىنكى زامانلاردىكى خالىق بىلەن مەخلۇقنىڭ بىرگەۋدىلىشىش (اَلْحُلُولُ وَالِاتِّحَادُ) ئەقىدىسىگە ئېتىقاد قىلىدىغان زىندىقلارنىڭ قارىشىدۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 217- بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2/313 – 222؛ دوكتور رەفىق ئەلئەجەم: «مەۋسۇئەتۇ مۇستەلاھاتىت تەسەۋۋۇفىل ئىسلامىي (ئىسلامىي تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 737، 738- بەتلەر؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مۇئجەمۇ مۇستەلاھاتىل ئۇلۇمىش شەرئىييە (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1219- بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017. — ت.
- ئەلبەقائ (اَلْبَقَاءُ): ئەرەب تىلىدا: «دائىملىق، ئەبەدىيلىك، مەڭگۈلۈك بولۇش ۋە باقىمەندە» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، تەسەۋۋۇف ئىستىلاھىدا: (پەرۋەردىگارىدىن باشقىنى كۆرمەيدىغان بولغان) ئەلفەنائدىن كېيىن، ئۇنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ ئەسەرى بولمىش مەخلۇقاتلارنى كۆرۈش ۋە ھېس قىلىشقا قايتىشنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئىككى زىت نەرسىنىڭ بىرىنى كۆرمەسلىك «ئەلفەنائ» بولسا، ھەر ئىككىسىنى بىرلىكتە كۆرۈش «ئەلبەقائ»دۇر. يەنە «ئەلفەنائ» رەزىل ئىللەتلەرنى تاشلاش، «ئەلبەقائ» گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈش دەپمۇ ئىزاھلىنىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ئەجىبە: «مىئراجۇتتەشەۋۋۇف ئىلا ھەقائىقىتتەسەۋۋۇف (تەسەۋۋۇف ھەقىقەتلىرىگە نەزەر مىئراجى)»، 59 -، 60 - بەتلەر. — ت.