مۇختەسەرۇ مىنھاجىل قاسېدىن
كىتاب ۋە ئاپتور ھەققىدە
بۆلۈم: “كىتاب ۋە ئاپتور ھەققىدە”«مۇختەسەرۇ مىنھاجىل قاسېدىن» (مختصر منهاج القاصدين — ئاللاھ تائالانى مەقسەت قىلغۇچىلارنىڭ يورۇق يولى) ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەخلاق، روھىي يۈكسىلىش ۋە تەربىيە ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر كىتاب دەسلەپتە بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىي تەرىپىدىن يېزىلغان 4 توملۇق «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» (دىنىي بىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش) ئەسىرىنىڭ مېغىزى بولۇپ، ئالدى بىلەن ئىمام ئىبنىل جەۋزىي تەرىپىدىن رەتلەنگەن، ئاندىن بۈيۈك فەقىھ ۋە زاھىد ئالىم ئىمام ئەھمەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي تەرىپىدىن خەلققە ئەڭ يېقىن، ئىخچام ۋە چوڭقۇر قىلىپ قايتا ئىشلەنگەن. ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد ئەپەندى تەرجىمە قىلغان ھەمدە ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى نەشرگە تەييارلىغان.
بۇ ئەسەر ئىنساننىڭ روھىنى تازىلاش، قەلب ئاغرىقلىرىنى داۋالاش، ئىبادەتلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ھالقىپ ئۇنىڭ ھەقىقىي جەۋھىرىنى ھېس قىلىش ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل سۈننىتىگە ماس ياشاشقا يېتەكلەيدىغان بۈيۈك بىر يول كۆرسەتكۈچتۇر.