كىرىش سۆز ۋە ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتى
This content is not yet available in your language.
كىرىش سۆز
بۆلۈم: “كىرىش سۆز”بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
الْحَمْدُ لِلَّهِ وَحْدَهُ وَالصَّلَاةُ وَالسَّلَامُ عَلَى مَنْ لَا نَبِيَّ بَعْدَهُ، وَبَعْدُ:
دوكتۇر ۋ. ئابدۇرەھىم تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «دروس اللغة العربية لغير الناطقين بها» (ئەرەب تىلىدا سۆزلىمەيدىغانلار ئۈچۈن ئەرەب تىلى دەرسلىكى) ناملىق كىتاب 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دىيارىمىزدىكى ئىلىمخۇمار ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى ۋە تېزلا ئومۇملىشىپ ھازىرغا كەلگەندە ئەرەب تىلى ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى ئاساسلىق دەرسلىك ماتېرىيالى بولۇپ قالدى.
بۇ كىتابنى تۈزۈشتە ئەرەب تىلىدا سۆزلىمەيدىغانلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئەرەب تىلى بىلەن تونۇشۇشى كۆزدە تۇتۇلغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسى ۋە بالىلارغا خاس تەبىئىي خاراكتېرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئاپتور باشتىن-ئاخىر ئەسەرنىڭ تىلىنى ئاددىي، ئاممىباب، راۋان ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ تۈزۈش پرىنسىپىغا رىئايە قىلغان. شۇنداقلا تىل-گرامماتىكا قائىدىلىرىنى بىۋاسىتە يېزىش شەكلى بىلەن چۈشەندۈرمەستىن، بەلكى دىئالوگ، جۈملە ۋە مىساللار ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرگەن.
ئەسەرنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىر تەرەپتىن باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرەب تىلىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى (سۆزلۈك ۋە گرامماتىكىلىق قائىدىلەرنى) ئاسان ۋە تېز ئۆزلەشتۈرۈشتە ياخشى ئۈنۈم ياراتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇستازلارغا كۈندىلىك دەرسكە قارىتا ئالدىن تەييارلىق قىلىپ دەرس مەزمۇنىدا ئەكس ئەتكەن گرامماتىكىلىق قائىدىلەرنى قېزىپ ۋە رەتلەپ ئوقۇغۇچىلارغا يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە بوشلۇق قالدۇرغان.
مۇشۇ ئېھتىياجنى ۋە دەرسلىك مەزمۇنىنىڭ يوشۇرۇن (ئەمەلىيەتتە بۇ خىل يوشۇرۇنلۇق بىر قىسىم ئۇستازلارنى گاڭگىرىتىدۇ) تەرەپلىرىنى تولۇق قېزىپ بۇ كىتابنى مۇكەممەل بىر ئوقۇتۇش ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ كىتابنى ئۆگىتىش جەريانىدىكى بىر قانچە يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىمىزگە ئاساسەن، قولىڭىزدىكى «ئەرەب تىلى دەرسلىكى گرامماتىكا قائىدىلىرى» (قواعد دروس اللغة العربية) ناملىق كىتابچىنى تۈزۈپ ھاجەتمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇق.
بىز بۇ كىتابچىدا ئەسلى دەرسلىكتە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قائىدىگە ئائىت مەزمۇنلارنى تولۇق بايان قىلىشقا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشتۇق. ئەمما دەرسلىك ئۆز ئىچىگە ئالمىغان قائىدىلەرنى زورلاپ كىرگۈزمىدۇق. كىتابچىدا مەزمۇنلارنىڭ توغرا ۋە تولۇق ئىپادىلىنىشىگە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ئىنسانچىلىقتا ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەنلىكلەرنىڭ بولماسلىقى ناتايىن. شۇڭا سەۋەنلىكلەر بايقالسا تۈزىتىپ پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئى ئاللاھ! بۇ خالىس ئەمگىكىمىزنى ئۆزۈڭنىڭ رازىلىقى يولىدا قوبۇل قىلغىن ۋە بىزنى رەھمىتىڭ ۋە مەغپىرىتىڭگە مۇيەسسەر قىلغىن، ھىدايەت ۋە ئىلىم نۇرىڭنى مەڭگۈ پارلاتقىن (ئامىن).
ئىشلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.
— تۈزگۈچىدىن.
ئەرەب تىلىنى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىمىز!
بۆلۈم: “ئەرەب تىلىنى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىمىز!”ئانا تىلىمىز ۋە دىنىمىزنىڭ ئاچقۇچى
بۆلۈم: “ئانا تىلىمىز ۋە دىنىمىزنىڭ ئاچقۇچى”ئەرەب تىلى — پۈتۈن كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى ۋە مەڭگۈلۈك كىتابى **«قۇرئان كەرىم»**نىڭ تىلىدۇر. شۇنداقلا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ھەدىس شەرىپلىرى ۋە پۈتۈن ئىسلامىي ئىلىملەرنىڭ تىلىدۇر.
بىز ئەرەب تىلىنى دۇنيادىكى ئادەتتىكى بىر تىل سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى:
- قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىي تىلىنى چۈشىنىش: ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى ھېچقانداق ۋاسىتىسىز، ئۆز بەلاغىتى ۋە چوڭقۇر مەنىسى بىلەن ھېس قىلىپ ئوقۇش.
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى يېتەكچى قىلىش: ھەدىس شەرىفلەردىكى نازۇك تەلىماتلار، ئىبادەت ئەھكاملىرى ۋە ئەدەپ-ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا بىۋاسىتە ئىگە بولۇش.
- ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىلىم غەزىنىسىگە كىرىش: ئەسىرلەردىن بۇيان ئىسلام ئالىملىرى قالدۇرغان پىقھى، تەپسىر، ئەقىدە ۋە تارىخ قامۇسلىرىنىڭ تۈپ مەنبەسىدىن سۇغىرىلىش ئۈچۈن ئۆگىنىمىز.
