Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

1–5-دەرسلەر: ئىشارەت ئالماشلىرى، جۈملە، ئېنىقلىق، ئىگە-خەۋەر ۋە ئىزاپەت

This content is not yet available in your language.

1-قىسىم (الجزء الأول): 1–5-دەرسلەر

بۆلۈم: “1-قىسىم (الجزء الأول): 1–5-دەرسلەر”

بىرىنچى دەرس (1-دەرس)

بۆلۈم: “بىرىنچى دەرس (1-دەرس)”

1-مەزمۇن: «هَذَا» توغرىسىدا

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: «هَذَا» توغرىسىدا”
  • مەنىسى: «بۇ».
  • ئاتىلىشى: ئەرلىك بىرلىك يېقىننى كۆرسىتىش ئالمىشى (اسم إشارة للمفرد المذكر القريب).
  • ئىشلىتىلىشى: يېقىن ئورۇندىكى ئەرلىك جىنس بىرلىك ساندىكى شەيئىلەرنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
  • خاراكتېرى: قاتقان (مەبنىي) ئىسىم بولۇپ، ئاخىرىنىڭ ھەرىكەت ئۆزگىرىشى (ئىئرابى) شەكىلدە ئاشكارا ئىپادىلەنمەيدۇ (مبني على السكون).
  • ۋەزىپىسى: كۆپىنچە ئىسىملىق جۈملىدە ئىگە (مبتدأ) بولۇپ كېلىدۇ.
  • مەسىلەن:
    • هَذَا بَيْتٌ — (بۇ ئۆي)
    • هَذَا مَسْجِدٌ — (بۇ مەسجىد)
    • هَذَا بَابٌ — (بۇ ئىشىك)
    • هَذَا كِتَابٌ — (بۇ كىتاب)
    • هَذَا قَلَمٌ — (بۇ قەلەم)
    • هَذَا مِفْتَاحٌ — (بۇ ئاچقۇچ)

2-مەزمۇن: جۈملە توغرىسىدا

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: جۈملە توغرىسىدا”
  • ئېنىقلىمىسى: جۈملە دېگىنىمىز — ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزدىن تۈزۈلۈپ، تولۇق ئاياغلاشقان بىر ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بىرىكمىسىدىن ئىبارەت.
    • هَذَا كِتَابٌ — (بۇ بىر كىتابتۇر)
    • هَذَا قَلَمٌ — (بۇ بىر قەلەمدۇر)
  • جۈملىنىڭ تۈرلىرى: جۈملە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ:
    1. ئىسىملىق جۈملە (الجملة الاسمية): ئىسىم بىلەن باشلانغان جۈملە بولۇپ، ئىگە (مبتدأ) ۋە خەۋەر (خبر) دىن تەركىب تاپىدۇ.
      • مەسىلەن: هَذَا (ئىگە) + بَابٌ (خەۋەر).
    2. پېئىللىق جۈملە (الجملة الفعلية): پېئىل بىلەن باشلانغان جۈملە.
  • ئىسىملىق جۈملىنىڭ مەزمۇن تۈرلىرى:
    • بايان جۈملە: مەلۇم ئىش ياكى نەرسە توغرىسىدا ئېنىق بىر ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: هَذَا مَكْتَبٌ (بۇ ئۈستەل)، هَذَا سَرِيرٌ (بۇ كارىۋات).
    • سوراق جۈملە: مەلۇم ئىش ياكى نەرسە توغرىسىدىن سوئال سوراشنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: مَا هَذَا؟ (بۇ نېمە؟)، مَنْ هَذَا؟ (بۇ كىم؟).

3-مەزمۇن: «أَ» توغرىسىدا

بۆلۈم: “3-مەزمۇن: «أَ» توغرىسىدا”
  • مەنىسى: «…مۇ؟».
  • ئاتىلىشى: سوراق قوشۇمچىسى (ھەرپى) — همزة الاستفهام.
  • ئىشلىتىلىشى: سوراقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن جۈملىنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.
    • أَهَذَا بَيْتٌ؟ — (بۇ ئۆيمۇ؟)
    • أَهَذَا سَرِيرٌ؟ — (بۇ كارىۋاتمۇ؟)

4-مەزمۇن: «نَعَمْ» ۋە «لَا» توغرىسىدا

بۆلۈم: “4-مەزمۇن: «نَعَمْ» ۋە «لَا» توغرىسىدا”
  • بۇ ئىككىسى جاۋاب قوشۇمچىسى (ھەرپلىرى) بولۇپ:
    • نَعَمْ — «ھەئە»، «شۇنداق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بولۇشلۇق جاۋاب ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
    • لَا — «ياق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بولۇشسىز جاۋاب ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
    • مەسىلەن:
      • سوئال: أَهَذَا بَيْتٌ؟ (بۇ ئۆيمۇ؟)
      • جاۋاب (بولۇشلۇق): نَعَمْ، هَذَا بَيْتٌ. (ھەئە، بۇ ئۆي.)
      • سوئال: أَهَذَا كُرْسِيٌّ؟ (بۇ ئورۇندۇقمۇ؟)
      • جاۋاب (بولۇشسىز): لَا، هَذَا سَرِيرٌ. (ياق، بۇ كارىۋات.)

5-مەزمۇن: بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز جاۋاب جۈملە

بۆلۈم: “5-مەزمۇن: بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز جاۋاب جۈملە”
  • بولۇشلۇق جاۋاب جۈملە: سوراق جۈملىنىڭ جاۋابىنىڭ بېشىغا «نَعَمْ» كىرگۈزۈلگەن جۈملە.
    • أَهَذَا قَمِيصٌ؟ ← نَعَمْ، هَذَا قَمِيصٌ. (بۇ كۆڭلەكمۇ؟ ← ھەئە، بۇ كۆڭلەك.)
  • بولۇشسىز جاۋاب جۈملە: سوراق جۈملىنىڭ جاۋابىنىڭ بېشىغا «لَا» كىرگۈزۈلگەن جۈملە.
    • أَهَذَا كَلْبٌ؟ ← لَا، هَذَا قِطٌّ. (بۇ ئىتمۇ؟ ← ياق، بۇ مۈشۈك.)
    • أَهَذَا حِمَارٌ؟ ← لَا، هَذَا حِصَانٌ. (بۇ ئېشەكمۇ؟ ← ياق، بۇ ئات.)

6-مەزمۇن: «مَا» ۋە «مَنْ» توغرىسىدا

بۆلۈم: “6-مەزمۇن: «مَا» ۋە «مَنْ» توغرىسىدا”
  • «مَا» — «نېمە؟» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىلسىز نەرسىلەر (جانلىق ۋە جانسىز پۈتۈن شەيئىلەر) توغرىسىدا سوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
    • مَا هَذَا؟ — هَذَا قَلَمٌ. (بۇ نېمە؟ — بۇ قەلەم.)
  • «مَنْ» — «كىم؟» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىللىق زاتلار (ئىنسانلار) توغرىسىدا سوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
    • مَنْ هَذَا؟ — هَذَا طَالِبٌ. (بۇ كىم؟ — بۇ ئوقۇغۇچى.)

ئىككىنچى دەرس (2-دەرس)

بۆلۈم: “ئىككىنچى دەرس (2-دەرس)”

1-مەزمۇن: «ذَلِكَ» توغرىسىدا

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: «ذَلِكَ» توغرىسىدا”
  • مەنىسى: «ئاۋۇ»، «ئۇ».
  • ئاتىلىشى: ئەرلىك بىرلىك يىراقنى كۆرسىتىش ئالمىشى (اسم إشارة للمفرد المذكر البعيد).
  • ئىشلىتىلىشى: يىراق ئورۇندىكى ئەرلىك جىنس بىرلىك ساندىكى شەيئىلەرنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
  • خاراكتېرى: قاتقان (مەبنىي) ئىسىم بولۇپ، ئاخىرىنىڭ ھەرىكىتى ئۆزگەرمەيدۇ.
  • ۋەزىپىسى: كۆپىنچە ئىسىملىق جۈملىدە ئىگە بولۇپ كېلىدۇ.
    • ذَلِكَ نَجْمٌ — (ئاۋۇ يۇلتۇز)
    • ذَلِكَ سَرِيرٌ — (ئاۋۇ كارىۋات)
    • مَا ذَلِكَ؟ ذَلِكَ نَجْمٌ. — (ئاۋۇ نېمە؟ ئاۋۇ يۇلتۇز.)

2-مەزمۇن: «وَ» (ۋاۋ) توغرىسىدا

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: «وَ» (ۋاۋ) توغرىسىدا”
  • مەنىسى: «ۋە»، «ھەم»، «بىلەن»، «بىللە».
  • ئاتىلىشى: باغلاش قوشۇمچىسى (باغلىغۇچى ھەرپ — واو العطف).
  • ئىشلىتىلىشى: كېيىنكى سۆز ياكى جۈملىنى ئالدىنقى سۆز ياكى جۈملىگە باغلاش ئۈچۈن كېلىدۇ.
  • ۋەزىپىسى: ئىگىنى ئىگىگە، خەۋەرنى خەۋەرگە ۋە جۈملىنى جۈملىگە باغلاشتىن ئىبارەت.
    • بىرىكمىدە «وَ»دىن كېيىنكى سۆز باغلانغۇچى (المعطوف)، «وَ»دىن ئىلگىرىكى سۆز باغلىنىلغۇچى (المعطوف عليه) دەپ ئاتىلىدۇ.
    • مەسىلەن: هَذَا حِصَانٌ وَذَلِكَ حِمَارٌ (بۇ ئاتتۇر ۋە ئاۋۇ ئېشەكتۇر).

ئۈچىنچى دەرس (3-دەرس)

بۆلۈم: “ئۈچىنچى دەرس (3-دەرس)”

1-مەزمۇن: ئېنىقسىز ئىسىملارنى ئېنىقلىققا ئايلاندۇرۇش

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: ئېنىقسىز ئىسىملارنى ئېنىقلىققا ئايلاندۇرۇش”
  • ئېنىقسىز ئىسىم (نكرة): ئاخىرىدا تەنۋىن (ـٌ) بولغان ئىسىم بولۇپ، ئومۇمىي شەيئىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بَيْتٌ (بىر ئۆي)، كِتَابٌ (بىر كىتاب)، قَلَمٌ (بىر قەلەم).
  • ئېنىقلىققا ئايلاندۇرۇش (معرفة): ئىسىمنىڭ ئالدىغا «ال» (ئەلف لام — لام التعريف) قوشۇلسا، ئېنىق ئىسىمغا ئايلىنىدۇ.
  • مۇھىم قائىدە: «ال» قوشۇلغان ئىسىمنىڭ ئاخىرىدىكى تەنۋىن چۈشۈپ كېتىپ، يالغۇز پىش (ـُ) بىلەنلا ئوقۇلىدۇ:
    • بَيْتٌ ← الْبَيْتُ (ئۆي)
    • كِتَابٌ ← الْكِتَابُ (كىتاب)
    • قَلَمٌ ← الْقَلَمُ (قەلەم)
    • جَمَلٌ ← الْجَمَلُ (تۆگە)

2-مەزمۇن: ئىگە-خەۋەر توغرىسىدا

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: ئىگە-خەۋەر توغرىسىدا”
  • ئىگە (مبتدأ): جۈملىدىكى ئوي-پىكىرنىڭ كىم ياكى نېمە توغرىسىدا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان جۈملە بۆلىكىدۇر (كۆپىنچە ئېنىق بولىدۇ).
  • خەۋەر (خبر): ئىگە بىلەن بىرلىكتە جۈملىدە بايان قىلىنماقچى بولغان ئوي-پىكىرنى تولۇقلايدىغان بۆلەكتۇر (كۆپىنچە ئېنىقسىز تەنۋىنلىك بولىدۇ).
    • مەسىلەن:
      • الْقَلَمُ مَكْسُورٌ — (قەلەم سۇنۇقتۇر) → ئىگە: الْقَلَمُ، خەۋەر: مَكْسُورٌ.
      • الْبَابُ مَفْتُوحٌ — (ئىشىك ئوچۇقتۇر) → ئىگە: الْبَابُ، خەۋەر: مَفْتُوحٌ.
      • الْوَلَدُ جَالِسٌ وَالْمُدَرِّسُ وَاقِفٌ — (بالا ئولتۇرغۇچى، ئوقۇتقۇچى تۇرغۇچىدۇر).

3-مەزمۇن: ئاي ۋە قۇياش ھەرپلىرى (الحروف القمرية والشمسية)

بۆلۈم: “3-مەزمۇن: ئاي ۋە قۇياش ھەرپلىرى (الحروف القمرية والشمسية)”

ئەرەب ئەلىفبەسىدىكى 28 ھەرپ ئالدىغا «ال» قوشۇلغاندا لەپزەن ئوقۇلۇش-ئوقۇلمىغانلىقىغا ئاساسەن تەڭ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ:

تۈرى ھەرپلەر (14 تىن) خۇسۇسىيىتى ۋە مىسال
ئاي ھەرپلىرى (حروف قمرية) أ، ب، ج، ح، خ، ع، غ، ف، ق، ك، م، و، هـ، ي «ال»دىكى لام ئېنىق تاۋۇش چىقىرىپ ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن: الْقَمَرُ، الْبَابُ، الْجَنَّةُ، الْحِمَارُ
قۇياش ھەرپلىرى (حروف شمسية) ت، ث، د، ذ، ر، ز، س، ش، ص، ض، ط، ظ، ل، ن «ال»دىكى لام تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ، ئارقىدىكى ھەرپ تەشدىد بىلەن ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن: الشَّمْسُ، التَّاجِرُ، الثَّوْبُ، الدِّيكُ

تۆتىنچى دەرس (4-دەرس)

بۆلۈم: “تۆتىنچى دەرس (4-دەرس)”

1-مەزمۇن: ئاخىرىنى زىر قىلغۇچى قوشۇمچىلار (حروف الجر)

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: ئاخىرىنى زىر قىلغۇچى قوشۇمچىلار (حروف الجر)”

ئىسىمنىڭ بېشىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى ھەرپىنى زىرلىك (كسرة ـِ) ھالەتتە ئوقۇتىدىغان قوشۇمچىلار «حروف الجر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەرسلىكتىكى ئاساسلىق ھەرپلەر:

  1. فِي — «ئىچىدە»، «…دا / …دە / …تا / …تە» مەنىسىدە.
  2. عَلَى — «ئۈستىدە» مەنىسىدە.
  3. مِنْ — «…دىن / …تىن» مەنىسىدە.
  4. إِلَى — «…غا / …قا / …گە / …كە» مەنىسىدە.

مەسىلەن:

  • الْبَيْتُ ← فِي الْبَيْتِ (ئۆيدە)
  • الْمَكْتَبُ ← عَلَى الْمَكْتَبِ (ئۈستەل ئۈستىدە)
  • الْمَسْجِدُ ← مِنَ الْمَسْجِدِ (مەسجىدتىن)
  • السُّوقُ ← إِلَى السُّوقِ (بازارغا)

2-مەزمۇن: «أَيْنَ» توغرىسىدا

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: «أَيْنَ» توغرىسىدا”
  • مەنىسى: «قەيەردە؟»، «نەدە؟».
  • ئاتىلىشى: سوراق ئالمىشى ياكى ئورۇن رەۋىشى (اسم استفهام للمكان).
  • ئىشلىتىلىشى: ئورۇننى سوراش ئۈچۈن جۈملىنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.
    • أَيْنَ مُحَمَّدٌ؟ — هُوَ فِي الْغُرْفَةِ. (مۇھەممەد قەيەردە؟ — ئۇ ئۆيدە.)
    • أَيْنَ ذَهَبَ؟ — ذَهَبَ إِلَى الْمُدِيرِ. (ئۇ قەيەرگە كەتتى؟ — ئۇ مۇدىرنىڭ يېنىغا كەتتى.)

3-مەزمۇن: تولۇق تۈرلىنىدىغان ۋە تۈرلىنىشتىن چەكلەنگەن خاس ئىسىملار

بۆلۈم: “3-مەزمۇن: تولۇق تۈرلىنىدىغان ۋە تۈرلىنىشتىن چەكلەنگەن خاس ئىسىملار”
  • تولۇق تۈرلىنىدىغان ئىسىملار (مصروف): ئەسلى ئەرلىك خاس ئىسىملار ئۈچىل پەلەك ھەرىكىتىنى ۋە تەنۋىننى قوبۇل قىلىدۇ.
    • مەسىلەن: مُحَمَّدٌ، خَالِدٌ، يَاسِرٌ، عَمَّارٌ (باش كېلىشتە: مُحَمَّدٌ؛ چۈشۈم كېلىشتە: مُحَمَّدًا؛ ئىگىلىك كېلىشتە: فِي مُحَمَّدٍ).
  • تۈرلىنىشتىن چەكلەنگەن خاس ئىسىملار (ممنوع من الصرف): ئاياللىق خاس ئىسىملار تەنۋىن ۋە زىرنى قوبۇل قىلمايدۇ. تەنۋىنسىز يەككە ھەرىكەت بىلەن ئوقۇلىدۇ، زىر ئورنىدا زەبەر قوبۇل قىلىدۇ.
    • مەسىلەن: فَاطِمَةُ، عَائِشَةُ، مَرْيَمُ، خَدِيجَةُ، زَيْنَبُ.
    • تۈرلىنىشى: فِي فَاطِمَةَ، مِنْ مَرْيَمَ (زىرلىك ھالەتتىمۇ زەبەر ئوقۇلىدۇ).

4-مەزمۇن: پېئىللىق جۈملە توغرىسىدا

بۆلۈم: “4-مەزمۇن: پېئىللىق جۈملە توغرىسىدا”
  • ئېنىقلىمىسى: پېئىل بىلەن باشلانغان جۈملە.
  • تەركىبى: پېئىل (فعل) + پائىل (پېئىل ئىگىسى — فاعل).
  • ھۆكمى: پائىل دائىم پىشلىك (مرفوع) بولىدۇ.
    • ذَهَبَ عَلِيٌّ — (ئەلى كەتتى) → ذَهَبَ (پېئىل)، عَلِيٌّ (پائىل).
    • ئەگەر پائىل ئاشكارا كۆرۈنمىسە، ئۇ پېئىل ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئالماش بولىدۇ: خَرَجَ (ئۇ چىقىپ كەتتى).

5-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش توغرىسىدا

بۆلۈم: “5-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش توغرىسىدا”

جۈملىدە ئىسىمنىڭ ئورنىغا كېلىپ، ئىسىم ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان سۆز كىشىلىك ئالماش (ضمير) دېيىلىدۇ. بىرلىكتىكى مۇستەقىل ئالماشلار (الضمائر المنفصلة للمفرد):

  1. هُوَ — III شەخس ئەرلىك بىرلىك («ئۇ»).
  2. هِيَ — III شەخس ئاياللىق بىرلىك («ئۇ»).
  3. أَنْتَ — II شەخس ئەرلىك بىرلىك («سەن»).
  4. أَنْتِ — II شەخس ئاياللىق بىرلىك («سەن»).
  5. أَنَا — I شەخس ئەر-ئايالغا ئورتاق بىرلىك («مەن»).

بەشىنچى دەرس (5-دەرس)

بۆلۈم: “بەشىنچى دەرس (5-دەرس)”

1-مەزمۇن: ئىزاپەتلىك سۆز بىرىكمىسى (الإضافة)

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: ئىزاپەتلىك سۆز بىرىكمىسى (الإضافة)”

ئىككى ئىسىمنىڭ قوشۇلۇپ تەۋەلىك ھاسىل قىلىشىدىن تۈزۈلگەن سۆز بىرىكمىسى ئىزاپەتلىك سۆز بىرىكمىسى دەپ ئاتىلىدۇ:

  • بىرىنچى بۆلىكى: ئېنىقلانغۇچى (الْمُضَافُ)
  • ئىككىنچى بۆلىكى: ئېنىقلىغۇچى (الْمُضَافُ إِلَيْهِ)
  • مەسىلەن: كِتَابُ مُحَمَّدٍ (مۇھەممەدنىڭ كىتابى) → كِتَابُ (مضاف)، مُحَمَّدٍ (مضاف إليه).

ئىزاپەتنىڭ ئۈچ چوڭ خۇسۇسىيىتى:

بۆلۈم: “ئىزاپەتنىڭ ئۈچ چوڭ خۇسۇسىيىتى:”
  1. مۇزاف (ئېنىقلانغۇچى): «ال» (ئەلف لام) ۋە تەنۋىننى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ! جۈملىدىكى ئورنىغا ئاساسەن يەككە پىش (ـُ)، يەككە زەبەر (ـَ) ياكى يەككە زىر (ـِ) ئالىدۇ.
  2. مۇزافۇن ئىلەيھى (ئېنىقلىغۇچى): دائىم زىرلىك (مجرور) بولىدۇ (ئەگەر تۈرلىنىشتىن چەكلەنگەن ئىسىم بولسا زەبەر ئالىدۇ). مەسىلەن: كِتَابُ فَاطِمَةَ.
  3. ئەگەر ئىككىنچى بۆلەك ئېنىق ئىسىم بولسا، بىرىنچى بۆلەكمۇ ئېنىقلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ: قَلَمُ الْمُدَرِّسِ (ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلىمى).

2-مەزمۇن: قاراتما سۆز بىرىكمىسى (النداء)

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: قاراتما سۆز بىرىكمىسى (النداء)”
  • ئادەمگە قارىتىپ چاقىرىش ئۈچۈن چاقىرىش قوشۇمچىسى «يَا» (حرف النداء) ئىشلىتىلىدۇ.
  • چاقىرىلغۇچى بىرلىك خاس ئىسىم بولغاندا تەنۋىن چۈشۈپ كېتىپ، تاق پىش بىلەن ئوقۇلىدۇ:
    • يَاسِرٌ ← يَا يَاسِرُ! (ھەي ياسىر!)
    • عَمَّارٌ ← يَا عَمَّارُ! (ھەي عەممار!)
    • عَلِيٌّ ← يَا عَلِيُّ! (ھەي ئەلى!)

3-مەزمۇن: «تَحْتَ» توغرىسىدا

بۆلۈم: “3-مەزمۇن: «تَحْتَ» توغرىسىدا”
  • مەنىسى: «ئاستىدا»، «تېگىدە».
  • ئاتىلىشى: ئورۇن رەۋىشى (ظرف مكان).
  • ھۆكمى: دائىم زەبەرلىك كېلىدۇ ھەمدە كېيىنكى ئىسىمغا مۇزاف بولىدۇ:
    • هِيَ تَحْتَ الْمَكْتَبِ — (ئۇ ئۈستەلنىڭ ئاستىدا)
    • وَضَعْتُ الْحَقِيبَةَ تَحْتَ الْمَكْتَبِ — (سومكىنى ئۈستەلنىڭ ئاستىغا قويدۇم).

4-مەزمۇن: ئۇلانما ھەمزىلىك ئىسىملار (همزة الوصل)

بۆلۈم: “4-مەزمۇن: ئۇلانما ھەمزىلىك ئىسىملار (همزة الوصل)”
  • اسْمٌ (ئىسىم) ۋە ابْنٌ (ئوغۇل) سۆزلىرىنىڭ بېشىدىكى ھەمزە ئۇلانما ھەمزە (همزة الوصل) دېيىلىدۇ.
  • قائىدىسى: ئەگەر جۈملىنىڭ بېشىدا كەلسە ئوقۇلىدۇ؛ ئەگەر جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى سۆزگە ئۇلىنىپ كەلسە يېزىلىدۇ، ئەمما ئوقۇلماي تاشلىنىپ كېتىدۇ:
    • اسْمُ الْوَلَدِ مُحَمَّدٌ، وَاسْمُ الْبِنْتِ زَيْنَبُ
      (ئوغلۇمنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، قىزنىڭ ئىسمى زەينەب — بۇ يەردە «وَاسْمُ» شەكلىدە «ۋاسمۇ» دەپ تۇتاشتۇرۇپ ئوقۇلىدۇ).
    • ابْنُ الْمُدَرِّسِ فِي الْفَصْلِ، وَابْنُ الْمُدِيرِ فِي الْمَكْتَبِ
      (ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوغلى سىنىپتا، مۇدىرنىڭ ئوغلى ئىشخانىدا — بۇ يەردە «وَابْنُ» شەكلىدە «ۋەبنى» دەپ تۇتاشتۇرۇپ ئوقۇلىدۇ).
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.