11–15-دەرسلەر: نىسبىي ئالماش، كۆپلۈكلەر، ئۆتكەن زامان جەدۋەللىرى
Font size
This content is not yet available in your language.
1-قىسىم (الجزء الأول): 11–15-دەرسلەر
بۆلۈم: “1-قىسىم (الجزء الأول): 11–15-دەرسلەر”ئون بىرىنچى دەرس (11-دەرس)
بۆلۈم: “ئون بىرىنچى دەرس (11-دەرس)”1-مەزمۇن: ئۇلانما كىشىلىك ئالماشلارغا زىر قىلغۇچى ھەرپلەرنىڭ كىرىشى
بۆلۈم: “1-مەزمۇن: ئۇلانما كىشىلىك ئالماشلارغا زىر قىلغۇچى ھەرپلەرنىڭ كىرىشى”- «ـهُ»، «ـهَا» قاتارلىق ئۇلانما كىشىلىك ئالماشلارنىڭ ئالدىغا «فِي»، «لِـ» قاتارلىق ئاخىرىنى زىر قىلغۇچى ھەرپلەر كىرسە، ئۇلار كۆپىنچە ئىسىملىق جۈملىدە مۇقەددەم خەۋەر بولۇپ كېلىدۇ:
- فِيهِ حَدِيقَةٌ صَغِيرَةٌ — (ئۇنىڭدا كىچىك بىر باغچا بار)
- فِيهَا نَافِذَةٌ كَبِيرَةٌ — (ئۇنىڭدا چوڭ بىر دېرىزە بار)
2-مەزمۇن: «أُحِبُّ» پېئىلى توغرىسىدا
بۆلۈم: “2-مەزمۇن: «أُحِبُّ» پېئىلى توغرىسىدا”- ئاتىلىشى: «أَفْعَلُ» ئۆلچىمىدە كەلگەن، ئەر-ئايالغا ئورتاق I شەخس بىرلىك كەلگۈسى زامان پېئىلىدۇر (فعل مضارع).
- پائىلى ئۆز ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئالماش «أَنَا»دۇر.
- أَنَا أُحِبُّ أَبِي وَأُمِّي — (مەن ئاتا-ئانامنى ياخشى كۆرىمەن)
- أُحِبُّ اللُّغَةَ الْعَرَبِيَّةَ — (مەن ئەرەب تىلىنى ياخشى كۆرىمەن).
ئون ئىككىنچى دەرس (12-دەرس)
بۆلۈم: “ئون ئىككىنچى دەرس (12-دەرس)”1-مەزمۇن: «كَيْفَ» توغرىسىدا
بۆلۈم: “1-مەزمۇن: «كَيْفَ» توغرىسىدا”- مەنىسى: «قانداق؟».
- ئاتىلىشى: سوراق ئالمىشى بولۇپ، ھالەتنى سوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:
- كَيْفَ حَالُكَ؟ — (ئەھۋالىڭىز قانداق؟)
2-مەزمۇن: نىسبىي ئالماشلار (الْاسْمُ الْمَوْصُولُ)
بۆلۈم: “2-مەزمۇن: نىسبىي ئالماشلار (الْاسْمُ الْمَوْصُولُ)”ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر مەنانى ئۇقتۇرالمايدىغان، پەقەت ئۆزىدىن كېيىنكى تولۇقلىغۇچى سىلە جۈملىسى (صلة الموصول) بىلەن بىرلىكتە كېلىدىغان باغلىغۇچى سۆزدۇر:
- الَّذِي — ئەرلىك جىنس بىرلىك ئۈچۈن:
- مَنْ هَذَا الطِّفْلُ الَّذِي مَعَكَ؟ — (سېنىڭ بىلەن تۇرغان بۇ كىچىك بالا كىم؟)
- الَّتِي — ئاياللىق جىنس بىرلىك ئۈچۈن:
- مَنْ هَذِهِ الْفَتَاةُ الَّتِي مَعَكِ؟ — (سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان بۇ قىزچاق كىم؟)
3-مەزمۇن: «ذَهَبَتْ» پېئىلى توغرىسىدا
بۆلۈم: “3-مەزمۇن: «ذَهَبَتْ» پېئىلى توغرىسىدا”- «ذَهَبَ» پېئىلىنىڭ ئاخىرىغا سۇكۇنلۇق «تْ» (تاء التأنيث الساكنة) ئۇلانسا، III شەخس ئاياللىق بىرلىك ئۆتكەن زامان پېئىلىغا ئايلىنىدۇ:
- ذَهَبَتْ إِلَى الْمُسْتَشْفَى — (ئۇ قىز دوختۇرخانىغا كەتتى).
4-مەزمۇن: سۇكۇنلۇق ھەرپكە «ال» قوشۇلغاندا ئۇلاپ ئوقۇش (التقاء الساكنين)
بۆلۈم: “4-مەزمۇن: سۇكۇنلۇق ھەرپكە «ال» قوشۇلغاندا ئۇلاپ ئوقۇش (التقاء الساكنين)”- ئەرەب تىلىدا ئىككى سۇكۇن بىر يەرگە كەلسە تەلەپپۇز قىلىش مۇمكىن بولمىغاچقا، بىرىنچى سۇكۇنلۇق ھەرپكە زىر (كسرة) بېرىپ ئۇلاپ ئوقۇلىدۇ:
- جَلَسَتْ + الطَّالِبَةُ ← جَلَسَتِ الطَّالِبَةُ (قىز ئوقۇغۇچى ئولتۇردى).
ئون ئۈچىنچى دەرس (13-دەرس)
بۆلۈم: “ئون ئۈچىنچى دەرس (13-دەرس)”1-مەزمۇن: كۆرسىتىش ئالمىشى «هَؤُلَاءِ»
بۆلۈم: “1-مەزمۇن: كۆرسىتىش ئالمىشى «هَؤُلَاءِ»”- مەنىسى: «بۇلار».
- «هَذَا» ۋە «هَذِهِ»نىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، يېقىندىكى ئەقىللىق ئەر ۋە ئايال كۆپلۈكلەرگە ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ:
- هَؤُلَاءِ رِجَالٌ — (بۇلار ئەرلەردۇر)
- هَؤُلَاءِ بَنَاتٌ — (بۇلار قىزلاردۇر).
2-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «هُمْ» ۋە پېئىل «ذَهَبُوا»
بۆلۈم: “2-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «هُمْ» ۋە پېئىل «ذَهَبُوا»”- هُمْ — III شەخس ئەرلىك كۆپلۈك مۇستەقىل كىشىلىك ئالمىشى («ئۇلار»):
- هُمْ طُلَّابٌ جُدُدٌ — (ئۇلار يېڭى ئوقۇغۇچىلاردۇر)
- ذَهَبُوا — پېئىل ئاخىرىغا پىش ۋە سۇكۇنلۇق «وا» (واو الجماعة) قوشۇلۇپ تۈزۈلگەن ئەرلىك كۆپلۈك ئۆتكەن زامان شەكلى:
- ذَهَبُوا إِلَى الْمَطْعَمِ — (ئۇلار ئاشخانىغا كەتتى).
3-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «هُنَّ» ۋە پېئىل «خَرَجْنَ»
بۆلۈم: “3-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «هُنَّ» ۋە پېئىل «خَرَجْنَ»”- هُنَّ — III شەخس ئاياللىق كۆپلۈك مۇستەقىل كىشىلىك ئالمىشى («ئۇلار»):
- هُنَّ أَخَوَاتٌ — (ئۇلار ئاچا-سىڭىللاردۇر)
- خَرَجْنَ — پېئىل ئاخىرىغا سۇكۇن ۋە زەبەرلىك «نَ» (نون النسوة) قوشۇلۇپ ياسالغان ئاياللىق كۆپلۈك ئۆتكەن زامان شەكلى:
- الْمُدَرِّسَاتُ خَرَجْنَ مِنَ الْفَصْلِ — (ئايال ئوقۇتقۇچىلار سىنىپتىن چىقىپ كەتتى).
4-مەزمۇن: «أُولَئِكَ» ئالمىشى
بۆلۈم: “4-مەزمۇن: «أُولَئِكَ» ئالمىشى”- مەنىسى: «ئاۋۇلار»، «ئۇلار».
- «ذَلِكَ» ۋە «تِلْكَ»نىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، يىراقتىكى ئەر ۋە ئايال ئەقىللىق شەيئىلەرگە ئورتاق كېلىدۇ:
- أُولَئِكَ أَصْدِقَائِي — (ئاۋۇلار مېنىڭ دوستلىرىمدۇر)
- أُولَئِكَ مُهَنْدِسُونَ — (ئاۋۇلار ئىنژېنېرلاردۇر).
ئون تۆتىنچى دەرس (14-دەرس)
بۆلۈم: “ئون تۆتىنچى دەرس (14-دەرس)”1-مەزمۇن: كۈتۈۋېلىش ئىبارىسى «أَهْلًا وَسَهْلًا وَمَرْحَبًا»
بۆلۈم: “1-مەزمۇن: كۈتۈۋېلىش ئىبارىسى «أَهْلًا وَسَهْلًا وَمَرْحَبًا»”- مەنىسى: «خۇش كەپسىز»، «قارشى ئالىمىز».
- قەدىمكى تاشلانغان پېئىللارنىڭ مەنسۇپ تولدۇرغۇچىسىدۇر.
2-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماشلار «أَنْتُمْ» ۋە «نَحْنُ»
بۆلۈم: “2-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماشلار «أَنْتُمْ» ۋە «نَحْنُ»”- أَنْتُمْ — II شەخس ئەرلىك كۆپلۈك («سىلەر»):
- مَنْ أَنْتُمْ؟ أَنْتُمْ مُسْلِمُونَ. — (سىلەر كىم؟ سىلەر مۇسۇلمانلارمۇ؟)
- نَحْنُ — I شەخس كۆپلۈك ۋە ئىككىلىك ئورتاق ئالمىشى («بىز»):
- نَحْنُ بِالْجَامِعَةِ — (بىز ئۇنىۋېرسىتېتتا).
3-مەزمۇن: ئۆتكەن زامان پېئىللىرى «ذَهَبْتُمْ» ۋە «ذَهَبْنَا»
بۆلۈم: “3-مەزمۇن: ئۆتكەن زامان پېئىللىرى «ذَهَبْتُمْ» ۋە «ذَهَبْنَا»”- ذَهَبْتُمْ (سىلەر باردىڭلار): أَذَهَبْتُمْ إِلَى الْمُسْتَشْفَى الْيَوْمَ؟ (بۈگۈن دوختۇرخانىغا باردىڭلارمۇ؟)
- ذَهَبْنَا (بىز باردۇق): نَعَمْ، ذَهَبْنَا. (ھەئە، باردۇق.)
4-مەزمۇن: سوراق ئالمىشى «أَيُّ»
بۆلۈم: “4-مەزمۇن: سوراق ئالمىشى «أَيُّ»”- مەنىسى: «قايسى؟». دائىم ئۆزىدىن كېيىنكى ئىسىمغا مۇزاف بولۇپ تۈزۈلىدۇ:
- أَيُّ يَوْمٍ هَذَا؟ — (بۇ قايسى كۈن؟)
- أَيُّ شَهْرٍ هَذَا؟ — (بۇ قايسى ئاي؟).
ئون بەشىنچى دەرس (15-دەرس)
بۆلۈم: “ئون بەشىنچى دەرس (15-دەرس)”1-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «أَنْتُنَّ» ۋە پېئىل «ذَهَبْتُنَّ»
بۆلۈم: “1-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «أَنْتُنَّ» ۋە پېئىل «ذَهَبْتُنَّ»”- أَنْتُنَّ — II شەخس ئاياللىق كۆپلۈك مۇستەقىل ئالمىشى («سىلەر»):
- مَنْ أَنْتُنَّ؟ — (سىلەر كىم؟)
- ذَهَبْتُنَّ — II شەخس ئاياللىق كۆپلۈك ئۆتكەن زامان پېئىلى («سىلەر باردىڭلار»).
2-مەزمۇن: ۋاقىت رەۋىشلىرى «قَبْلَ» ۋە «بَعْدَ»
بۆلۈم: “2-مەزمۇن: ۋاقىت رەۋىشلىرى «قَبْلَ» ۋە «بَعْدَ»”- قَبْلَ — «بۇرۇن»، «ئىلگىرى»: ذَهَبْتُ قَبْلَ أُسْبُوعٍ (بىر ھەپتە ئىلگىرى كەتتىم).
- بَعْدَ — «كېيىن»: اخْتِبَارُنَا بَعْدَ شَهْرٍ (ئىمتىھانىمىز بىر ئايدىن كېيىن).
3-مەزمۇن: سوراق ئالمىشى «مَتَى»
بۆلۈم: “3-مەزمۇن: سوراق ئالمىشى «مَتَى»”- مەنىسى: «قاچان؟». ۋاقىتنى سوراش ئۈچۈن كېلىدۇ:
- مَتَى اخْتِبَارُكُنَّ؟ — (ئىمتىھانىڭلار قاچان؟).
1-قىسىم ئۆگىنىلگەن پېئىل ۋە ئالماشلارنىڭ مۇكەممەل تۈرلىنىش جەدۋەللىرى
بۆلۈم: “1-قىسىم ئۆگىنىلگەن پېئىل ۋە ئالماشلارنىڭ مۇكەممەل تۈرلىنىش جەدۋەللىرى”1. ئۆتكەن زامان پېئىللىرىنىڭ تۈرلىنىش سىخېمىسى (فعل ماض)
بۆلۈم: “1. ئۆتكەن زامان پېئىللىرىنىڭ تۈرلىنىش سىخېمىسى (فعل ماض)”| تۈرى | سانى | III شەخس (غائب) | II شەخس (مخاطب) | I شەخس (متكلم) |
|---|---|---|---|---|
| ئەرلىك (مذكر) | بىرلىك | ذَهَبَ (ئۇ كەتتى) | ذَهَبْتَ (سەن كەتتىڭ) | ذَهَبْتُ (مەن كەتتىم) |
| ئىككىلىك | ذَهَبَا (ئۇ ئىككىسى كەتتى) | ذَهَبْتُمَا (سىلەر ئىككىڭلار) | ذَهَبْنَا (بىز ئىككىمىز) | |
| كۆپلۈك | ذَهَبُوا (ئۇلار كەتتى) | ذَهَبْتُمْ (سىلەر كەتتىڭلار) | ذَهَبْنَا (بىز كەتتۇق) | |
| ئاياللىق (مؤنث) | بىرلىك | ذَهَبَتْ (ئۇ ئايال كەتتى) | ذَهَبْتِ (سەن ئايال كەتتىڭ) | ذَهَبْتُ (مەن كەتتىم) |
| ئىككىلىك | ذَهَبَتَا (ئۇ ئىككى ئايال) | ذَهَبْتُمَا (سىلەر ئىككىڭلار) | ذَهَبْنَا (بىز ئىككىمىز) | |
| كۆپلۈك | ذَهَبْنَ (ئۇ ئاياللار كەتتى) | ذَهَبْتُنَّ (سىلەر كەتتىڭلار) | ذَهَبْنَا (بىز كەتتۇق) |
2. مۇستەقىل كىشىلىك ئالماشلار سىخېمىسى (الضمائر المنفصلة)
بۆلۈم: “2. مۇستەقىل كىشىلىك ئالماشلار سىخېمىسى (الضمائر المنفصلة)”| تۈرى | سانى | III شەخس (غائب) | II شەخس (مخاطب) | I شەخس (متكلم) |
|---|---|---|---|---|
| ئەرلىك (مذكر) | بىرلىك | هُوَ | أَنْتَ | أَنَا |
| ئىككىلىك | هُمَا | أَنْتُمَا | نَحْنُ | |
| كۆپلۈك | هُمْ | أَنْتُمْ | نَحْنُ | |
| ئاياللىق (مؤنث) | بىرلىك | هِيَ | أَنْتِ | أَنَا |
| ئىككىلىك | هُمَا | أَنْتُمَا | نَحْنُ | |
| كۆپلۈك | هُنَّ | أَنْتُنَّ | نَحْنُ |
3. ئۇلانما كىشىلىك ئالماشلار سىخېمىسى (الضمائر المتصلة)
بۆلۈم: “3. ئۇلانما كىشىلىك ئالماشلار سىخېمىسى (الضمائر المتصلة)”| تۈرى | سانى | III شەخس (غائب) | II شەخس (مخاطب) | I شەخس (متكلم) |
|---|---|---|---|---|
| ئەرلىك (مذكر) | بىرلىك | ـهُ | ـكَ | ـي / ـنِي |
| ئىككىلىك | ـهُمَا | ـكُمَا | ـنَا | |
| كۆپلۈك | ـهُمْ | ـكُمْ | ـنَا | |
| ئاياللىق (مؤنث) | بىرلىك | ـهَا | ـكِ | ـي / ـنِي |
| ئىككىلىك | ـهُمَا | ـكُمَا | ـنَا | |
| كۆپلۈك | ـهُنَّ | ـكُنَّ | ـنَا |
