Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

1–7-دەرسلەر: «إِنَّ»، «لَيْسَ»، ئاشۇرما سۈپەت، سانلار، پېئىللىق جۈملە، «كَانَ»

This content is not yet available in your language.

2-قىسىم (الجزء الثاني): 1–7-دەرسلەر

بۆلۈم: “2-قىسىم (الجزء الثاني): 1–7-دەرسلەر”

بىرىنچى دەرس (1-دەرس)

بۆلۈم: “بىرىنچى دەرس (1-دەرس)”

1-مەزمۇن: «إِنَّ» ۋە «لَعَلَّ» توغرىسىدا

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: «إِنَّ» ۋە «لَعَلَّ» توغرىسىدا”

بۇ ئىككىسى ھەرپ بولۇپ:

  • إِنَّ — «جەزمەن»، «چوقۇم»، «شۈبھىسىز»، «ھەقىقەتەن» دېگەن مەنىدە تەكىت ئۇقتۇرىدۇ.
  • لَعَلَّ — «ئېھتىمال»، «مۇمكىن»، «ئۈمىدلىك» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
  • ئاتىلىشى: پېئىلغا ئوخشايدىغان قوشۇمچە (حرف مشبه بالفعل).
  • ۋەزىپىسى: ئىسىملىق جۈملىگە كىرىپ، ئىگىنى (مبتدأ) «ئىسمىم» دەپ زەبەرلىك قىلىدۇ (اسم إِنَّ منصوب)، خەۋەرنى بولسا «خەۋىرىم» دەپ پىشلىق ھالەتتە قالدۇرىدۇ (خبر إِنَّ مرفوع):
    • السَّاعَةُ جَمِيلَةٌ ← إِنَّ السَّاعَةَ جَمِيلَةٌ (ھەقىقەتەن سائىتىڭ چىرايلىقتۇر)
    • أَنْتَ بِخَيْرٍ ← لَعَلَّكَ بِخَيْرٍ (ئېھتىمال سەن ياخشىدۇرسەن دەپ ئويلايمەن).

2-مەزمۇن: تاللىما سوراق جۈملە («أَمْ»)

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: تاللىما سوراق جۈملە («أَمْ»)”
  • جۈملىنىڭ بېشىغا «أَ» سوراق ھەرپى، ئىككى خەۋەر ئوتتۇرىسىغا «أَمْ» (ياكى) باغلانغان سوراق جۈملىسىدۇر:
    • أَمِنْ بَاكِسْتَانَ أَنْتَ أَمْ مِنَ الْهِنْدِ يَا هَاشِمُ؟ — (ئى ھاشىم! سەن پاكىستاندىنمۇ ياكى ھىندىستاندىنمۇ؟)
    • أَقِطَارًا رَكِبْتَ أَمْ سَيَّارَةً؟ — (پويىزغا ئولتۇردۇڭمۇ ياكى ماشىنىغىمۇ؟)

3-مەزمۇن: ئالماش بىلەن باشلانغان جۈملىگە «إِنَّ» كىرىشى

بۆلۈم: “3-مەزمۇن: ئالماش بىلەن باشلانغان جۈملىگە «إِنَّ» كىرىشى”

ئالماشلار بىلەن باشلانغان جۈملىگە «إِنَّ» ياكى «لَعَلَّ» كىرسە، مۇستەقىل ئالماشلار ئۇلانما ئالماشقا ئايلىنىدۇ:

  • هُوَ تَاجِرٌ ← إِنَّهُ تَاجِرٌ
  • أَنْتَ بِخَيْرٍ ← لَعَلَّكَ بِخَيْرٍ
  • I شەخس بىرلىككە كىرگەندە:
    • إِنِّي / إِنَّنِي مِنَ الْهِنْدِ
    • لَعَلِّي / لَعَلَّنِي بِخَيْرٍ
  • I شەخس كۆپلۈككە كىرگەندە:
    • إِنَّا مُسْلِمُونَ ياكى إِنَّنَا مُسْلِمُونَ.

4-مەزمۇن: «ذُو» سۆزى توغرىسىدا

بۆلۈم: “4-مەزمۇن: «ذُو» سۆزى توغرىسىدا”
  • مەنىسى: «ئىگە»، «…لىق / …لىك».
  • پەقەت ئۆزىدىن كېيىنكى ئىسىمغا مۇزاف بولۇپ ئىشلىتىلىدۇ:
    • أَحْمَدُ طَالِبٌ ذُو عِلْمٍ وَخُلُقٍ — (ئەھمەد ئىلمىي ۋە ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچىدۇر)
    • مُدِيرُنَا ذُو لِحْيَةٍ طَوِيلَةٍ — (مۇدىرىمىز ئۇزۇن ساقاللىق كىشىدۇر).

5-مەزمۇن: 100 ۋە 1000 سانلىرى

بۆلۈم: “5-مەزمۇن: 100 ۋە 1000 سانلىرى”
  • مِائَةٌ (100) ۋە أَلْفٌ (1000) سانلىرى ئەرلىك ۋە ئاياللىق ئىسىملارغا ئوخشاش بىر شەكىلدە مۇزاف بولۇپ تۈزۈلىدۇ. سانالغۇچى بىرلىك، زىرلىك بولىدۇ:
    • مِائَةُ رَجُلٍ (100 ئەر) — مِائَةُ امْرَأَةٍ (100 ئايال)
    • أَلْفُ رَجُلٍ (1000 ئەر) — أَلْفُ امْرَأَةٍ (1000 ئايال).

ئىككىنچى دەرس (2-دەرس)

بۆلۈم: “ئىككىنچى دەرس (2-دەرس)”

«لَيْسَ» پېئىلى توغرىسىدا

بۆلۈم: “«لَيْسَ» پېئىلى توغرىسىدا”
  • مەنىسى: «ئەمەس»، «ياق».
  • ئاتىلىشى: تولۇقسىز قېتىپ قالغان پېئىل (فعل ماض جامد ناقص).
  • ئىشلىتىلىشى: پەقەت ئۆتكەن زامان قېلىپىدا 14 خىل تۈرلىنىدۇ، كەلگۈسى زامان ۋە بۇيرۇق شەكلى بولمايدۇ. ئىسىملىق جۈملىنى بولۇشسىز قىلىش ئۈچۈن كېلىدۇ.
  • ۋەزىپىسى: ئىسىملىق جۈملىگە كىرىپ، ئىگىنى پىشلىق (اسم لَيْسَ مرفوع)، خەۋەرنى زەبەرلىك قىلىدۇ (خبر لَيْسَ منصوب). كۆپىنچە خەۋىرىگە زىر قىلغۇچى قوشۇمچە «بِـ» قوشۇلۇپ كېلىدۇ:
    • حَامِدٌ طَالِبٌ ← لَيْسَ حَامِدٌ بِطَالِبٍ (ھامىد ئوقۇغۇچى ئەمەس)
    • هِيَ لَيْسَتْ مِنَ الْعِرَاقِ (ئۇ ئىراقتىن ئەمەس).

ئۈچىنچى دەرس (3-دەرس)

بۆلۈم: “ئۈچىنچى دەرس (3-دەرس)”

1-مەزمۇن: ئاشۇرما سۈپەتداش (اسْمُ التَّفْضِيلِ)

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: ئاشۇرما سۈپەتداش (اسْمُ التَّفْضِيلِ)”
  • ئىككى شەيئىنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇپ، بىرىنىڭ يەنە بىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان سۈپەتتۇر.
  • «أَفْعَلُ» ئۆلچىمىدە ياسىلىدۇ:
    • هَاشِمٌ طَوِيلٌ وَحَامِدٌ أَطْوَلُ مِنْهُ — (ھاشىم ئېگىز، ھامىد ئۇنىڭدىنمۇ ئېگىزرەك).

2-مەزمۇن: «لَكِنَّ» ۋە «كَأَنَّ» ھەرپلىرى

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: «لَكِنَّ» ۋە «كَأَنَّ» ھەرپلىرى”
  • لَكِنَّ — «بىراق»، «لېكىن»، «ئەمما». ئالدىنقى سۆزدىكى چۈشىنىشسىزلىكنى تۈزىتىش (استدراك) ئۈچۈن كېلىدۇ.
    • لَكِنَّ حَامِدًا أَطْوَلُ مِنْهُ — (لېكىن ھامىد ئۇنىڭدىن ئېگىزرەكتۇر).
  • كَأَنَّ — «خۇددى»، «ئوخشاش»، «دەك / تەك». ئوخشىتىش (تشبيه) ياكى گۇماننى بىلدۈرىدۇ:
    • كَأَنَّهُ أَخُوكَ — (ئۇ خۇددى سېنىڭ قېرىندىشىڭغىلا ئوخشايدۇ).
  • بۇلارمۇ «إِنَّ» تۈرىدىن بولۇپ، ئىسىمنى زەبەر، خەۋەرنى پىش قىلىدۇ.

3-مەزمۇن: 11 دىن 19 غىچە مۇرەككەپ سانلار

بۆلۈم: “3-مەزمۇن: 11 دىن 19 غىچە مۇرەككەپ سانلار”
  • 11 ۋە 12 سانلىرى: ئىككىلا بۆلىكى سانالغۇچى بىلەن جىنس جەھەتتە تولۇق ماسلىشىدۇ:
    • أَحَدَ عَشَرَ طَالِبًا (11 ئوغۇل ئوقۇغۇچى)
    • إِحْدَى عَشْرَةَ طَالِبَةً (11 قىز ئوقۇغۇچى)
  • 13 تىن 19 غىچە سانلار: بىرلىك خاس خانىسى سانالغۇچىغا قارىمۇقارشى، ئونلۇق خانىسى ماسلىشىدۇ:
    • ثَلَاثَةَ عَشَرَ طَالِبًا (13 ئوغۇل ئوقۇغۇچى)
    • ثَلَاثَ عَشْرَةَ طَالِبَةً (13 قىز ئوقۇغۇچى)
  • مۇھىم تەميىز قائىدىسى: 11 دىن 99 غىچە بارلىق سانلارنىڭ سانالغۇچىسى دائىم بىرلىك، ئېنىقسىز، زەبەرلىك (مفرد نكرة منصوب) كېلىدۇ.
  • دەرىجە سانلار («-ىنچى» سانلار): «فَاعِلٌ» ئۆلچىمىدە كېلىپ، سانالغۇچى بىلەن دائىم تولۇق ماسلىشىدۇ:
    • الدَّرْسُ الْأَوَّلُ (بىرىنچى دەرس)
    • الدَّرْسُ الْعَاشِرُ (ئونىنچى دەرس)
    • الْمَهْجَعُ الْخَامِسُ (بەشىنچى ياتاق).

تۆتىنچى دەرس (4-دەرس)

بۆلۈم: “تۆتىنچى دەرس (4-دەرس)”

1-مەزمۇن: «أَنَّ» توغرىسىدا

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: «أَنَّ» توغرىسىدا”
  • مەنىسى: «شۇنىڭدەك»، «ئىكەنلىكىنى»، «چۈنكى».
  • جۈملىگە كىرىپ ئىسىمنى زەبەر، خەۋەرنى پىش قىلىدۇ. ئىككىسىنىڭ ھۆكمىنى تەۋەلەنگەن ئىسىم ھۆكمىگە ئايلاندۇرىدۇ:
    • رَجَعْتُ لِأَنِّي مَرِيضٌ — (مەن ئاغرىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم).

2-مەزمۇن: سوئاللارغا «نَعَمْ» ۋە «بَلَى» بىلەن جاۋاب بېرىش

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: سوئاللارغا «نَعَمْ» ۋە «بَلَى» بىلەن جاۋاب بېرىش”
  • بولۇشلۇق سوئالغا جاۋاب:
    • سوئال: أَذَهَبْتَ إِلَى الْمَدْرَسَةِ أَمْسِ؟ (تۈنۈگۈن مەكتەپكە باردىڭمۇ؟)
    • جاۋاب: نَعَمْ، ذَهَبْتُ. (ھەئە، باردىم.)
  • بولۇشسىز سوئالغا جاۋاب («بَلَى» نىڭ رولى):
    • سوئال: أَمَا ذَهَبْتَ إِلَى الْمَدْرَسَةِ أَمْسِ؟ (تۈنۈگۈن مەكتەپكە بارمىدىڭمۇ؟)
    • جاۋاب (ئەمەلىيەتتە بارغان بولسا): بَلَى، ذَهَبْتُ. (ياقەي، ئەلۋەتتە باردىم!)
    • جاۋاب (راستىنلا بارمىغان بولسا): نَعَمْ، مَا ذَهَبْتُ. (شۇنداق، بارمىدىم.)

بەشىنچى دەرس (5-دەرس)

بۆلۈم: “بەشىنچى دەرس (5-دەرس)”

1-مەزمۇن: ئۆتۈملۈك پېئىل ۋە ئۆتۈمسىز پېئىل

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: ئۆتۈملۈك پېئىل ۋە ئۆتۈمسىز پېئىل”
  • ئۆتۈملۈك پېئىل (فعل متعدي): پائىلدىن ئۆتۈپ، تولدۇرغۇچىنى (مفعول به) تەلەپ قىلىدىغان پېئىل:
    • حَفِظْتُ سُورَةَ التِّينِ — (مەن «ۋەتتىن» سۈرىسىنى يادلىدىم) → مفعول به دائىم زەبەرلىك (منصوب) بولىدۇ.
  • ئۆتۈمسىز پېئىل (فعل لازم): پەقەت پائىل بىلەنلا تولۇق مەنا ئىپادىلەيدىغان، تولدۇرغۇچىغا ئېھتىياجسىز پېئىل:
    • خَرَجَ الطُّلَّابُ الْجُدُدُ — (يېڭى ئوقۇغۇچىلار چىقىپ كەتتى).

2-مەزمۇن: ئىسىملىق جۈملە ۋە پېئىللىق جۈملە

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: ئىسىملىق جۈملە ۋە پېئىللىق جۈملە”
  • پېئىللىق جۈملە پېئىل بىلەن باشلىنىدۇ، تەركىبى: فعل + فاعل + مفعول به.
    • حَفِظَ حَامِدٌ الدَّرْسَ — (ھامىد دەرسنى يادلىدى).

3-مەزمۇن: پائىل توغرىسىدا

بۆلۈم: “3-مەزمۇن: پائىل توغرىسىدا”
  1. ئەگەر پائىل ئاشكارا ئىسىم بولسا، پېئىل جۈملىنىڭ بېشىدا دائىم بىرلىك ساندىلا كېلىدۇ:
    • ذَهَبَ الطَّالِبُ (ئوقۇغۇچى كەتتى)
    • ذَهَبَ الطَّالِبَانِ (ئىككى ئوقۇغۇچى كەتتى)
    • ذَهَبَ الطُّلَّابُ (ئوقۇغۇچىلار كەتتى)
  2. ئەگەر پائىل پېئىلنىڭ كەينىگە چۈشۈپ، ئىسىم ئالدىغا چىقسا (ئىسىملىق جۈملە بولسا)، پېئىل ئىسىمغا سان ۋە جىنس جەھەتتە ماسلىشىدۇ:
    • الطَّالِبُ ذَهَبَ (ئوقۇغۇچى كەتتى)
    • الطَّالِبَانِ ذَهَبَا (ئىككى ئوقۇغۇچى كەتتى)
    • الطُّلَّابُ ذَهَبُوا (ئوقۇغۇچىلار كەتتى).

ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى دەرسلەر (6–7-دەرس)

بۆلۈم: “ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى دەرسلەر (6–7-دەرس)”

1. «لِمَ» ۋە «لِمَهْ» توغرىسىدا (6-دەرس)

بۆلۈم: “1. «لِمَ» ۋە «لِمَهْ» توغرىسىدا (6-دەرس)”
  • لِمَاذَا / لِمَ — «نېمە ئۈچۈن؟»:
    • لِمَ خَرَجْتَ مِنَ الْفَصْلِ؟ (نېمە ئۈچۈن سىنىپتىن چىقتىڭ؟)
  • سۆز ئاخىرىدا توختىغاندا تەكىت ھەسى (هاء السكت) قوشۇلۇپ «لِمَهْ؟» دەپ ئوقۇلىدۇ.

2. تولۇقسىز پېئىل «كَانَ» (7-دەرس)

بۆلۈم: “2. تولۇقسىز پېئىل «كَانَ» (7-دەرس)”
  • مەنىسى: «بولدى»، «ئىدى».
  • ئىسىملىق جۈملىگە كىرىپ، ئىگىنى پىشلىق (اسم كان مرفوع)، خەۋەرنى زەبەرلىك قىلىدۇ (خبر كان منصوب):
    • مُحَمَّدٌ جَالِسٌ ← كَانَ مُحَمَّدٌ جَالِسًا (مۇھەممەد ئولتۇرغان ئىدى).

3. سۇكۇنلۇق ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشى

بۆلۈم: “3. سۇكۇنلۇق ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشى”
  • سۇكۇنلۇق «م»غا «ال» قوشۇلۇش: پىش بېرىپ ئۇلىنىدۇ:
    • أَقَرَأْتُمْ + الْقُرْآنَ ← أَقَرَأْتُمُ الْقُرْآنَ؟
  • سۇكۇنلۇق «و» قوشۇش:
    • أَرَأَيْتُمْ + ـهُ ← أَرَأَيْتُمُوهُ؟ (ئۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟).

4. 3 تىن 10 غىچە سانلاردىن ئاددىي كەسىر ياساش

بۆلۈم: “4. 3 تىن 10 غىچە سانلاردىن ئاددىي كەسىر ياساش”

«فُعْلٌ» ۋە «فُعُلٌ» ۋەزنىدە پارچە سانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ:

  • ثُلُثٌ (3/1) — ئۈچتىن بىر
  • رُبُعٌ (4/1) — تۆتتىن بىر
  • خُمُسٌ (5/1) — بەشتىن بىر
  • سُدُسٌ (6/1) — ئالتىدىن بىر
  • سُبُعٌ (7/1) — يەتتىدىن بىر
  • ثُمُنٌ (8/1) — سەككىزدىن بىر
  • تُسُعٌ (9/1) — توققۇزدىن بىر
  • عُشْرٌ (10/1) — ئوندىن بىر.
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.