تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

11–15-دەرسلەر: نىسبىي ئالماش، كۆپلۈكلەر، ئۆتكەن زامان جەدۋەللىرى

1-قىسىم (الجزء الأول): 11–15-دەرسلەر

بۆلۈم: “1-قىسىم (الجزء الأول): 11–15-دەرسلەر”

ئون بىرىنچى دەرس (11-دەرس)

بۆلۈم: “ئون بىرىنچى دەرس (11-دەرس)”

1-مەزمۇن: ئۇلانما كىشىلىك ئالماشلارغا زىر قىلغۇچى ھەرپلەرنىڭ كىرىشى

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: ئۇلانما كىشىلىك ئالماشلارغا زىر قىلغۇچى ھەرپلەرنىڭ كىرىشى”
  • «ـهُ»، «ـهَا» قاتارلىق ئۇلانما كىشىلىك ئالماشلارنىڭ ئالدىغا «فِي»، «لِـ» قاتارلىق ئاخىرىنى زىر قىلغۇچى ھەرپلەر كىرسە، ئۇلار كۆپىنچە ئىسىملىق جۈملىدە مۇقەددەم خەۋەر بولۇپ كېلىدۇ:
    • فِيهِ حَدِيقَةٌ صَغِيرَةٌ — (ئۇنىڭدا كىچىك بىر باغچا بار)
    • فِيهَا نَافِذَةٌ كَبِيرَةٌ — (ئۇنىڭدا چوڭ بىر دېرىزە بار)

2-مەزمۇن: «أُحِبُّ» پېئىلى توغرىسىدا

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: «أُحِبُّ» پېئىلى توغرىسىدا”
  • ئاتىلىشى: «أَفْعَلُ» ئۆلچىمىدە كەلگەن، ئەر-ئايالغا ئورتاق I شەخس بىرلىك كەلگۈسى زامان پېئىلىدۇر (فعل مضارع).
  • پائىلى ئۆز ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئالماش «أَنَا»دۇر.
    • أَنَا أُحِبُّ أَبِي وَأُمِّي — (مەن ئاتا-ئانامنى ياخشى كۆرىمەن)
    • أُحِبُّ اللُّغَةَ الْعَرَبِيَّةَ — (مەن ئەرەب تىلىنى ياخشى كۆرىمەن).

ئون ئىككىنچى دەرس (12-دەرس)

بۆلۈم: “ئون ئىككىنچى دەرس (12-دەرس)”

1-مەزمۇن: «كَيْفَ» توغرىسىدا

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: «كَيْفَ» توغرىسىدا”
  • مەنىسى: «قانداق؟».
  • ئاتىلىشى: سوراق ئالمىشى بولۇپ، ھالەتنى سوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:
    • كَيْفَ حَالُكَ؟ — (ئەھۋالىڭىز قانداق؟)

2-مەزمۇن: نىسبىي ئالماشلار (الْاسْمُ الْمَوْصُولُ)

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: نىسبىي ئالماشلار (الْاسْمُ الْمَوْصُولُ)”

ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر مەنانى ئۇقتۇرالمايدىغان، پەقەت ئۆزىدىن كېيىنكى تولۇقلىغۇچى سىلە جۈملىسى (صلة الموصول) بىلەن بىرلىكتە كېلىدىغان باغلىغۇچى سۆزدۇر:

  • الَّذِي — ئەرلىك جىنس بىرلىك ئۈچۈن:
    • مَنْ هَذَا الطِّفْلُ الَّذِي مَعَكَ؟ — (سېنىڭ بىلەن تۇرغان بۇ كىچىك بالا كىم؟)
  • الَّتِي — ئاياللىق جىنس بىرلىك ئۈچۈن:
    • مَنْ هَذِهِ الْفَتَاةُ الَّتِي مَعَكِ؟ — (سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان بۇ قىزچاق كىم؟)

3-مەزمۇن: «ذَهَبَتْ» پېئىلى توغرىسىدا

بۆلۈم: “3-مەزمۇن: «ذَهَبَتْ» پېئىلى توغرىسىدا”
  • «ذَهَبَ» پېئىلىنىڭ ئاخىرىغا سۇكۇنلۇق «تْ» (تاء التأنيث الساكنة) ئۇلانسا، III شەخس ئاياللىق بىرلىك ئۆتكەن زامان پېئىلىغا ئايلىنىدۇ:
    • ذَهَبَتْ إِلَى الْمُسْتَشْفَى — (ئۇ قىز دوختۇرخانىغا كەتتى).

4-مەزمۇن: سۇكۇنلۇق ھەرپكە «ال» قوشۇلغاندا ئۇلاپ ئوقۇش (التقاء الساكنين)

بۆلۈم: “4-مەزمۇن: سۇكۇنلۇق ھەرپكە «ال» قوشۇلغاندا ئۇلاپ ئوقۇش (التقاء الساكنين)”
  • ئەرەب تىلىدا ئىككى سۇكۇن بىر يەرگە كەلسە تەلەپپۇز قىلىش مۇمكىن بولمىغاچقا، بىرىنچى سۇكۇنلۇق ھەرپكە زىر (كسرة) بېرىپ ئۇلاپ ئوقۇلىدۇ:
    • جَلَسَتْ + الطَّالِبَةُ ← جَلَسَتِ الطَّالِبَةُ (قىز ئوقۇغۇچى ئولتۇردى).

ئون ئۈچىنچى دەرس (13-دەرس)

بۆلۈم: “ئون ئۈچىنچى دەرس (13-دەرس)”

1-مەزمۇن: كۆرسىتىش ئالمىشى «هَؤُلَاءِ»

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: كۆرسىتىش ئالمىشى «هَؤُلَاءِ»”
  • مەنىسى: «بۇلار».
  • «هَذَا» ۋە «هَذِهِ»نىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، يېقىندىكى ئەقىللىق ئەر ۋە ئايال كۆپلۈكلەرگە ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ:
    • هَؤُلَاءِ رِجَالٌ — (بۇلار ئەرلەردۇر)
    • هَؤُلَاءِ بَنَاتٌ — (بۇلار قىزلاردۇر).

2-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «هُمْ» ۋە پېئىل «ذَهَبُوا»

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «هُمْ» ۋە پېئىل «ذَهَبُوا»”
  • هُمْ — III شەخس ئەرلىك كۆپلۈك مۇستەقىل كىشىلىك ئالمىشى («ئۇلار»):
    • هُمْ طُلَّابٌ جُدُدٌ — (ئۇلار يېڭى ئوقۇغۇچىلاردۇر)
  • ذَهَبُوا — پېئىل ئاخىرىغا پىش ۋە سۇكۇنلۇق «وا» (واو الجماعة) قوشۇلۇپ تۈزۈلگەن ئەرلىك كۆپلۈك ئۆتكەن زامان شەكلى:
    • ذَهَبُوا إِلَى الْمَطْعَمِ — (ئۇلار ئاشخانىغا كەتتى).

3-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «هُنَّ» ۋە پېئىل «خَرَجْنَ»

بۆلۈم: “3-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «هُنَّ» ۋە پېئىل «خَرَجْنَ»”
  • هُنَّ — III شەخس ئاياللىق كۆپلۈك مۇستەقىل كىشىلىك ئالمىشى («ئۇلار»):
    • هُنَّ أَخَوَاتٌ — (ئۇلار ئاچا-سىڭىللاردۇر)
  • خَرَجْنَ — پېئىل ئاخىرىغا سۇكۇن ۋە زەبەرلىك «نَ» (نون النسوة) قوشۇلۇپ ياسالغان ئاياللىق كۆپلۈك ئۆتكەن زامان شەكلى:
    • الْمُدَرِّسَاتُ خَرَجْنَ مِنَ الْفَصْلِ — (ئايال ئوقۇتقۇچىلار سىنىپتىن چىقىپ كەتتى).

4-مەزمۇن: «أُولَئِكَ» ئالمىشى

بۆلۈم: “4-مەزمۇن: «أُولَئِكَ» ئالمىشى”
  • مەنىسى: «ئاۋۇلار»، «ئۇلار».
  • «ذَلِكَ» ۋە «تِلْكَ»نىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، يىراقتىكى ئەر ۋە ئايال ئەقىللىق شەيئىلەرگە ئورتاق كېلىدۇ:
    • أُولَئِكَ أَصْدِقَائِي — (ئاۋۇلار مېنىڭ دوستلىرىمدۇر)
    • أُولَئِكَ مُهَنْدِسُونَ — (ئاۋۇلار ئىنژېنېرلاردۇر).

ئون تۆتىنچى دەرس (14-دەرس)

بۆلۈم: “ئون تۆتىنچى دەرس (14-دەرس)”

1-مەزمۇن: كۈتۈۋېلىش ئىبارىسى «أَهْلًا وَسَهْلًا وَمَرْحَبًا»

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: كۈتۈۋېلىش ئىبارىسى «أَهْلًا وَسَهْلًا وَمَرْحَبًا»”
  • مەنىسى: «خۇش كەپسىز»، «قارشى ئالىمىز».
  • قەدىمكى تاشلانغان پېئىللارنىڭ مەنسۇپ تولدۇرغۇچىسىدۇر.

2-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماشلار «أَنْتُمْ» ۋە «نَحْنُ»

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماشلار «أَنْتُمْ» ۋە «نَحْنُ»”
  • أَنْتُمْ — II شەخس ئەرلىك كۆپلۈك («سىلەر»):
    • مَنْ أَنْتُمْ؟ أَنْتُمْ مُسْلِمُونَ. — (سىلەر كىم؟ سىلەر مۇسۇلمانلارمۇ؟)
  • نَحْنُ — I شەخس كۆپلۈك ۋە ئىككىلىك ئورتاق ئالمىشى («بىز»):
    • نَحْنُ بِالْجَامِعَةِ — (بىز ئۇنىۋېرسىتېتتا).

3-مەزمۇن: ئۆتكەن زامان پېئىللىرى «ذَهَبْتُمْ» ۋە «ذَهَبْنَا»

بۆلۈم: “3-مەزمۇن: ئۆتكەن زامان پېئىللىرى «ذَهَبْتُمْ» ۋە «ذَهَبْنَا»”
  • ذَهَبْتُمْ (سىلەر باردىڭلار): أَذَهَبْتُمْ إِلَى الْمُسْتَشْفَى الْيَوْمَ؟ (بۈگۈن دوختۇرخانىغا باردىڭلارمۇ؟)
  • ذَهَبْنَا (بىز باردۇق): نَعَمْ، ذَهَبْنَا. (ھەئە، باردۇق.)

4-مەزمۇن: سوراق ئالمىشى «أَيُّ»

بۆلۈم: “4-مەزمۇن: سوراق ئالمىشى «أَيُّ»”
  • مەنىسى: «قايسى؟». دائىم ئۆزىدىن كېيىنكى ئىسىمغا مۇزاف بولۇپ تۈزۈلىدۇ:
    • أَيُّ يَوْمٍ هَذَا؟ — (بۇ قايسى كۈن؟)
    • أَيُّ شَهْرٍ هَذَا؟ — (بۇ قايسى ئاي؟).

ئون بەشىنچى دەرس (15-دەرس)

بۆلۈم: “ئون بەشىنچى دەرس (15-دەرس)”

1-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «أَنْتُنَّ» ۋە پېئىل «ذَهَبْتُنَّ»

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: كىشىلىك ئالماش «أَنْتُنَّ» ۋە پېئىل «ذَهَبْتُنَّ»”
  • أَنْتُنَّ — II شەخس ئاياللىق كۆپلۈك مۇستەقىل ئالمىشى («سىلەر»):
    • مَنْ أَنْتُنَّ؟ — (سىلەر كىم؟)
  • ذَهَبْتُنَّ — II شەخس ئاياللىق كۆپلۈك ئۆتكەن زامان پېئىلى («سىلەر باردىڭلار»).

2-مەزمۇن: ۋاقىت رەۋىشلىرى «قَبْلَ» ۋە «بَعْدَ»

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: ۋاقىت رەۋىشلىرى «قَبْلَ» ۋە «بَعْدَ»”
  • قَبْلَ — «بۇرۇن»، «ئىلگىرى»: ذَهَبْتُ قَبْلَ أُسْبُوعٍ (بىر ھەپتە ئىلگىرى كەتتىم).
  • بَعْدَ — «كېيىن»: اخْتِبَارُنَا بَعْدَ شَهْرٍ (ئىمتىھانىمىز بىر ئايدىن كېيىن).

3-مەزمۇن: سوراق ئالمىشى «مَتَى»

بۆلۈم: “3-مەزمۇن: سوراق ئالمىشى «مَتَى»”
  • مەنىسى: «قاچان؟». ۋاقىتنى سوراش ئۈچۈن كېلىدۇ:
    • مَتَى اخْتِبَارُكُنَّ؟ — (ئىمتىھانىڭلار قاچان؟).

1-قىسىم ئۆگىنىلگەن پېئىل ۋە ئالماشلارنىڭ مۇكەممەل تۈرلىنىش جەدۋەللىرى

بۆلۈم: “1-قىسىم ئۆگىنىلگەن پېئىل ۋە ئالماشلارنىڭ مۇكەممەل تۈرلىنىش جەدۋەللىرى”

1. ئۆتكەن زامان پېئىللىرىنىڭ تۈرلىنىش سىخېمىسى (فعل ماض)

بۆلۈم: “1. ئۆتكەن زامان پېئىللىرىنىڭ تۈرلىنىش سىخېمىسى (فعل ماض)”
تۈرى سانى III شەخس (غائب) II شەخس (مخاطب) I شەخس (متكلم)
ئەرلىك (مذكر) بىرلىك ذَهَبَ (ئۇ كەتتى) ذَهَبْتَ (سەن كەتتىڭ) ذَهَبْتُ (مەن كەتتىم)
ئىككىلىك ذَهَبَا (ئۇ ئىككىسى كەتتى) ذَهَبْتُمَا (سىلەر ئىككىڭلار) ذَهَبْنَا (بىز ئىككىمىز)
كۆپلۈك ذَهَبُوا (ئۇلار كەتتى) ذَهَبْتُمْ (سىلەر كەتتىڭلار) ذَهَبْنَا (بىز كەتتۇق)
ئاياللىق (مؤنث) بىرلىك ذَهَبَتْ (ئۇ ئايال كەتتى) ذَهَبْتِ (سەن ئايال كەتتىڭ) ذَهَبْتُ (مەن كەتتىم)
ئىككىلىك ذَهَبَتَا (ئۇ ئىككى ئايال) ذَهَبْتُمَا (سىلەر ئىككىڭلار) ذَهَبْنَا (بىز ئىككىمىز)
كۆپلۈك ذَهَبْنَ (ئۇ ئاياللار كەتتى) ذَهَبْتُنَّ (سىلەر كەتتىڭلار) ذَهَبْنَا (بىز كەتتۇق)

2. مۇستەقىل كىشىلىك ئالماشلار سىخېمىسى (الضمائر المنفصلة)

بۆلۈم: “2. مۇستەقىل كىشىلىك ئالماشلار سىخېمىسى (الضمائر المنفصلة)”
تۈرى سانى III شەخس (غائب) II شەخس (مخاطب) I شەخس (متكلم)
ئەرلىك (مذكر) بىرلىك هُوَ أَنْتَ أَنَا
ئىككىلىك هُمَا أَنْتُمَا نَحْنُ
كۆپلۈك هُمْ أَنْتُمْ نَحْنُ
ئاياللىق (مؤنث) بىرلىك هِيَ أَنْتِ أَنَا
ئىككىلىك هُمَا أَنْتُمَا نَحْنُ
كۆپلۈك هُنَّ أَنْتُنَّ نَحْنُ

3. ئۇلانما كىشىلىك ئالماشلار سىخېمىسى (الضمائر المتصلة)

بۆلۈم: “3. ئۇلانما كىشىلىك ئالماشلار سىخېمىسى (الضمائر المتصلة)”
تۈرى سانى III شەخس (غائب) II شەخس (مخاطب) I شەخس (متكلم)
ئەرلىك (مذكر) بىرلىك ـهُ ـكَ ـي / ـنِي
ئىككىلىك ـهُمَا ـكُمَا ـنَا
كۆپلۈك ـهُمْ ـكُمْ ـنَا
ئاياللىق (مؤنث) بىرلىك ـهَا ـكِ ـي / ـنِي
ئىككىلىك ـهُمَا ـكُمَا ـنَا
كۆپلۈك ـهُنَّ ـكُنَّ ـنَا
يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.