تېما ۋە نۇر ھالىتى (Appearance)
قاراڭغۇ (Dark)، يورۇق (Light) ۋە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تەڭشىكىگە ئاپتوماتىك ماسلىشىدىغان سىستېما (Auto) ھالەتلىرى بار. كېچىدە كۆزنى چارچاتماي راھەت ئوقۇيالايسىز.
«تەربىيە» بىلىم سۇپىسى — تەلىم-تەربىيە پىروگراممىسى، قۇرئان كەرىم، ھەدىس، ئىسلامىي ئەسەرلەر ۋە زامانىۋى قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوچۇق مەرىپەت سۇپىسىدۇر. بۇ يەردە سۇپىنىڭ ئاساسلىق تەڭشەكلىرى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ئىخچام بايان قىلىندى.
تور بېكەتنىڭ يۇقىرى سول تەرىپىدىكى چىشلىق چاق (⚙️) سىنبەلگىسى نى چەكسىڭىز، پۈتۈن بېكەت بويىچە ماس كېلىدىغان ئومۇمىي تەڭشەكلەر كۆزنىكى ئېچىلىدۇ:
تېما ۋە نۇر ھالىتى (Appearance)
قاراڭغۇ (Dark)، يورۇق (Light) ۋە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تەڭشىكىگە ئاپتوماتىك ماسلىشىدىغان سىستېما (Auto) ھالەتلىرى بار. كېچىدە كۆزنى چارچاتماي راھەت ئوقۇيالايسىز.
ئۇيغۇر يېزىقىنى ئالماشتۇرۇش (Script)
پۈتۈن سۇپىدىكى مەزمۇنلارنى بىرلا چىكىش بىلەن ئۇيغۇرچە ئەرەب يېزىقى، لاتىن يېزىقى (ULY) ياكى كىرىل يېزىقى (UKY) غا دەل ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ ئوقۇيالايسىز.
خەت نۇسخىلىرى (Typography)
ئۇيغۇرچە تېكىستلەر ئۈچۈن 7 خىل مۆتىۋەر تور خەتى (Noto Sans, Harmattan, Alkatip Basma, UKIJ Tuz Basma, Noto Naskh قاتارلىقلار) ۋە ئەرەبچە ئۈچۈن مەدىنە مۇسھەف خەت نۇسخىلىرىنى تاللىيالايسىز.
خەت چوڭلۇقى (Font Sizing)
سىيرىغۇچ ۋە A- / A+ كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن بەتتىكى خەت چوڭلۇقىنى ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان دەرىجىدە چوڭايتىپ ياكى كىچىكلىتىپ تەڭشىيەلەيسىز.
ئەسكەرتىش: قىلغان بارلىق تەڭشەكلىرىڭىز تور كۆرگۈڭىزدە ئاپتوماتىك ساقلىنىدۇ؛ كېيىنكى قېتىم كىرگىنىڭىزدە ئەسلى تەڭشىكىڭىز ساقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر كونا ھالەتكە قايتۇرماقچى بولسىڭىز، تەڭشەك كۆزنىكىدىكى «ئەسلىگە قايتۇرۇش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
يۇقىرى سول تەرەپتىكى ئىزدەش كۇنۇپكىسى نى بېسىش ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl + K (Mac تا ⌘ + K) نى بېسىش ئارقىلىق سۇپىدىكى 600 دىن ئارتۇق ماقالە، دەرس، سوئال-جاۋاب ۋە قۇرئان سۈرىلىرى ئارىسىدىن خالىغان سۆزنى شۇئان ئىزدەپ تاپالايسىز.
ھەر بىر دەرسلىك ۋە قۇرئان بېتىنىڭ ماۋزۇ يېنىدىكى خەتكۈش (🔖) سىنبەلگىسى نى بېسىپ، ئوقۇۋاتقان ئورنىڭىزنى خاتىرىلەپ قويالايسىز. يۇقىرى سول تەرەپتىكى خەتكۈش سىنبەلگىسىنى باسسىڭىز، ساقلىۋالغان بارلىق مەزمۇنلىرىڭىز رەتلىك كۆرۈنىدۇ.
كومپيۇتېر ئېكرانىدا سول ياندا، تېلېفوندا بولسا ئۈستى قىسىمدا كۆرۈنىدىغان مۇندەرىجە (TOC) ئارقىلىق ئۇزۇن ماقالە ۋە كىتاب بابلىرى ئارىسىدا ئوڭاي سەكرەپ مۇتالىئە قىلالايسىز.
سۇپىنىڭ ئاساسىي سىستېمىسى ۋە قۇرئان ئەپ دېتالى ھەم ئۇيغۇرچە ھەم ئىنگلىزچە تولۇق ئىككى تىلدا تەمىنلەنگەن. تەڭشەكتىن تىلنى ئالماشتۇرسىڭىز پۈتۈن كۆرۈنمە يۈز تاللىغان تىلىڭىزغا ئالمىشىدۇ.
ماۋزۇ يېنىدىكى يورۇتۇلغان ياڭراتقۇ سىنبەلگىسى (🔊) نى بېسىش ئارقىلىق بارلىق ماقالە، دەرس ۋە 2000 سوئال-جاۋابلارنى داڭلىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقەييۇم ئىمىننىڭ ساپ تەلەپپۇزى بىلەن بۆلەك بويىچە ئاڭلىيالايسىز.
سۇپىدىكى مەزمۇنلارنى كۆزنى چارچاتماي راھەت ئاڭلاپ مۇتالىئە قىلىشىڭىز ئۈچۈن، سۈنئىي ئىدراك ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرۈش تېخنىكىسى پۈتۈن بېكەتكە سىڭدۈرۈلدى.
داڭلىق دىكتور ئاۋازى
ئۇيغۇرچە ئوقۇش ئاۋازى مەشھۇر سەنئەتكار ۋە دىكتور ئابدۇقەييۇم ئىمىننىڭ تەبىئىي، جاراڭلىق ۋە ساپ ئۇيغۇرچە نۇتۇق ئاۋاز مەنبەسىگە تايىنىدۇ.
ئەرەبچە ئايەت ۋە دۇئالارنى ساپ ئوقۇش
تېكىست ئىچىدىكى قۇرئان ئايەتلىرى ﴿...﴾، ھەدىسلەر ۋە دۇئالار ئاپتوماتىك پەرق ئېتىلىپ، ساپ ئەرەبچە تەلەپپۇز ۋە ھەرىكەتلەر بويىچە نۇقسانسىز ئوقۇلىدۇ.
لەيلىمە كونترول تاختىسى
ئاۋاز باشلانغاندا بەتنىڭ تۆۋىنىدە لەيلىمە قويغۇچ كۆرۈنىدۇ. ئالدىنقى/كېيىنكى بۆلەكلەرگە سەكرەش، ۋاقىتلىق توختىتىش ۋە تاقاشنى بىۋاسىتە باشقۇرالايسىز.
تاللاپ تېز ئاڭلاش
بەتتىكى خالىغان بىرەر جۈملە ياكى بۆلەكنى چاشقىنەك بىلەن تاللىسىڭىز، تېكىست ئۈستىدە كىچىك «ئاڭلاش» تۈگمىسى چىقىپ، شۇ قىسىمنىلا دەرھال ئوقۇپ بېرىدۇ.
سۇپىنىڭ مەزمۇنلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بۆلەكلەرگە ئايرىلغان:
| سەھىپە | چۈشەندۈرۈش | تېز ئۇلانما |
|---|---|---|
| تەلىم – تەربىيە پىروگراممىسى | ياش-ئۆسمۈرلەردىن تارتىپ يېتەكچى ئۇستازلارغىچە بولغان 6 باسقۇچلۇق سىستېمىلىق دەرسلىك. | دەرسلەرگە ئۆتۈش |
| قۇرئان كەرىم ۋە تەپسىر كىتابخانىسى | 114 سۈرە تېكىستى، مۆتىۋەر تەرجىمىسى، تىلاۋىتى ۋە 4 چوڭ مۆتىۋەر تەپسىر ئوقۇش سىستېمىسى. | قۇرئانغا ئۆتۈش |
| 2000 سوئالغا جاۋاب | ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە تۇرمۇشقا ئائىت 2000 ئىسلامىي سوئال-جاۋاب قامۇسى. | سوئاللارغا ئۆتۈش |
| ھەدىس، سىيرەت ۋە تارىخ كىتابلىرى | 40 ھەدىس، 100 ھەدىس، پەيغەمبەرلەر ۋە ساھابىلار تارىخى، تۆت خەلىپە، شىرىن بۇلاق. | مۇندەرىجىگە ئۆتۈش |
| زامانىۋى قوراللار | ناماز ۋاقىتلىرى، كالىندار، ئۇيغۇر يېزىق ئايلاندۇرغۇچ، ئۇيغۇرچە TTS ۋە زېھىن سىناش قوراللىرى. | قوراللارغا ئۆتۈش |