تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

16–23-دەرسلەر: ئەقىلسىز كۆپلۈكلەر، سانلار، مەمنۇئ مىنەسسەرف، «هَاتِ»

1-قىسىم (الجزء الأول): 16–23-دەرسلەر

بۆلۈم: “1-قىسىم (الجزء الأول): 16–23-دەرسلەر”

ئون ئالتىنچى دەرس (16-دەرس)

بۆلۈم: “ئون ئالتىنچى دەرس (16-دەرس)”

ئەقىلسىز نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى (جمع غير العاقل مفرد مؤنث)

بۆلۈم: “ئەقىلسىز نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى (جمع غير العاقل مفرد مؤنث)”

ئەرەب تىلىدا ئەڭ مۇھىم ۋە ئۆزگىچە بىر قائىدە شۇكى: ئەقىلسىز شەيئىلەرنىڭ كۆپلۈكى گرامماتىكىلىق جەھەتتە ئاياللىق بىرلىك (مفرد مؤنث) ھۆكمىدە بولىدۇ!

شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ:

  1. كۆرسىتىش ئالمىشى ئاياللىق بىرلىكتە كېلىدۇ:
    • هَذِهِ كُتُبٌ جَدِيدَةٌ — (بۇلار يېڭى كىتابلاردۇر)
    • لِمَنْ هَذِهِ الْأَقْلَامُ يَا مُحَمَّدُ؟ — (ئى مۇھەممەد! بۇ قەلەملەر كىمنىڭ؟)
  2. سۈپىتى ئاياللىق بىرلىكتە كېلىدۇ:
    • كُتُبٌ جَدِيدَةٌ (يېڭى كىتابلار — كُتُبٌ كۆپلۈك، جَدِيدَةٌ بىرلىك ئاياللىق سۈپەت).
  3. خەۋىرى ئاياللىق بىرلىكتە كېلىدۇ:
    • الْكُتُبُ جَدِيدَةٌ — (كىتابلار يېڭىدۇر).

ئون يەتتىنچى دەرس (17-دەرس)

بۆلۈم: “ئون يەتتىنچى دەرس (17-دەرس)”

ئىسىملىق جۈملىدە ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ ماسلىشىشى

بۆلۈم: “ئىسىملىق جۈملىدە ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ ماسلىشىشى”

ئىسىملىق جۈملىدە ئىگە (مبتدأ) بىلەن خەۋەر (خبر) تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ:

  1. سان جەھەتتىن (بىرلىك، ئىككىلىك، كۆپلۈك):
    • بىرلىك: هَذَا رَجُلٌ
    • كۆپلۈك: هَؤُلَاءِ رِجَالٌ، أُولَئِكَ طُلَّابٌ
  2. جىنس جەھەتتىن (ئەرلىك ۋە ئاياللىق):
    • ئەرلىك: أَنْتُمْ طُلَّابٌ
    • ئاياللىق: أَنْتُنَّ طَالِبَاتٌ
  3. ئالاھىدە ھالەت: ئەگەر ئىگە ئەقىلسىز كۆپلۈك بولسا، يۇقىرىقى قائىدە بويىچە خەۋەر ئاياللىق بىرلىكتە كېلىدۇ:
    • الْأَبْوَابُ مَفْتُوحَةٌ — (ئىشىكلار ئوچۇقتۇر).

ئون سەككىزىنچى دەرس (18-دەرس)

بۆلۈم: “ئون سەككىزىنچى دەرس (18-دەرس)”

1-مەزمۇن: «كَمْ» توغرىسىدا

بۆلۈم: “1-مەزمۇن: «كَمْ» توغرىسىدا”
  • مەنىسى: «قانچە؟»، «نەچچە؟».
  • ئىشلىتىلىشى: مىقدار ۋە ساننى سوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
  • تەميىزى (پەرقلەندۈرگۈچىسى): «كَمْ»دىن كېيىن كەلگەن ئېنىقلىغۇچى ئىسىم دائىم بىرلىك، ئېنىقسىز ۋە قوش زەبەرلىك (مفرد نكرة منصوب) ھالەتتە كېلىدۇ:
    • كَمْ أَخًا لَكَ يَا مُحَمَّدُ؟ — (ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قانچە ئاكا-ئىنىڭ بار؟)
    • كَمْ أُخْتًا لَكِ؟ — (سېنىڭ قانچە ئاچا-سىڭلىڭ بار؟)
    • كَمْ دَرْسًا حَفِظْتَ؟ — (قانچە دەرس يادلىدىڭ؟)

2-مەزمۇن: ئىككىلىك ساندىكى ئىسىم (المثنى)

بۆلۈم: “2-مەزمۇن: ئىككىلىك ساندىكى ئىسىم (المثنى)”
  • بىرلىك ئىسىمنى ئىككىلىككە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن:
    • باش كېلىشتە (مرفوع): ئاخىرىغا «ـَانِ» (ئەلىف ۋە زىرلىك نۇن) قوشۇلىدۇ:
      • لِي أُخْتَانِ — (مېنىڭ ئىككى ھەمشىىرەم بار)
      • فِي السَّنَةِ عِيدَانِ — (بىر يىلدا ئىككى ھېيت بار).
    • چۈشۈم ۋە ئىگىلىك كېلىشتە (منصوب ومجرور): ئاخىرىغا «ـَيْنِ» (زەبەرلىك ھەرپ، سۇكۇنلۇق ياء ۋە زىرلىك نۇن) قوشۇلىدۇ:
      • رَأَيْتُ طَالِبَيْنِ — (مەن ئىككى ئوقۇغۇچىنى كۆردۈم — چۈشۈم كېلىش).
      • هَذَا الطَّعَامُ لِطَالِبَيْنِ — (بۇ تاماق ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ — ئىگىلىك كېلىش).

ئون توققۇزىنچى ۋە يىگىرمىنچى دەرسلەر (19–20-دەرس)

بۆلۈم: “ئون توققۇزىنچى ۋە يىگىرمىنچى دەرسلەر (19–20-دەرس)”

3 تىن 10 غىچە بولغان سانلارنىڭ قائىدىسى

بۆلۈم: “3 تىن 10 غىچە بولغان سانلارنىڭ قائىدىسى”

ئەرەب تىلىدا 3 تىن 10 غىچە بولغان سانلار سانالغۇچى بىلەن ئۆزئارا تەتۈر جىنسلىق (قارشى) ماسلىشىدۇ:

1. سانالغۇچى ئەرلىك بولغاندا (19-دەرس)

بۆلۈم: “1. سانالغۇچى ئەرلىك بولغاندا (19-دەرس)”
  • سان ئاياللىق شەكىلدە («ة» بىلەن) تۈزۈلىدۇ.
  • سانالغۇچى كۆپلۈك، ئېنىقسىز ۋە زىرلىك (مضاف إليه مجرور) بولىدۇ:
    • ثَلَاثَةُ طُلَّابٍ (ئۈچ ئوغۇل ئوقۇغۇچى)
    • أَرْبَعَةُ طُلَّابٍ (تۆت ئوغۇل ئوقۇغۇچى)
    • خَمْسَةُ طُلَّابٍ (بەش ئوغۇل ئوقۇغۇچى)
    • سِتَّةُ طُلَّابٍ (ئالتە ئوغۇل ئوقۇغۇچى)
    • سَبْعَةُ طُلَّابٍ (يەتتە ئوغۇل ئوقۇغۇچى)
    • ثَمَانِيَةُ طُلَّابٍ (سەككىز ئوغۇل ئوقۇغۇچى)
    • تِسْعَةُ طُلَّابٍ (توققۇز ئوغۇل ئوقۇغۇچى)
    • عَشَرَةُ طُلَّابٍ (ئون ئوغۇل ئوقۇغۇچى)
    • مەسىلەن: خَرَجَ ثَلَاثَةُ طُلَّابٍ (ئۈچ ئوقۇغۇچى چىقىپ كەتتى).

2. سانالغۇچى ئاياللىق بولغاندا (20-دەرس)

بۆلۈم: “2. سانالغۇچى ئاياللىق بولغاندا (20-دەرس)”
  • سان ئەرلىك شەكىلدە («ة»سىز) كېلىدۇ:
    • ثَلَاثُ طَالِبَاتٍ (ئۈچ قىز ئوقۇغۇچى)
    • أَرْبَعُ طَالِبَاتٍ (تۆت قىز ئوقۇغۇچى)
    • خَمْسُ طَالِبَاتٍ (بەش قىز ئوقۇغۇچى)
    • عَشْرُ طَالِبَاتٍ (ئون قىز ئوقۇغۇچى)
    • مەسىلەن: ذَهَبَتْ عَشْرُ طَالِبَاتٍ (ئون قىز ئوقۇغۇچى كەتتى — بۇ يەردە «عَشْرُ» پېئىلغا نىسبەتەن پائىل بولۇپ پىشلىق كېلىدۇ).

يىگىرمە بىرىنچى دەرس (21-دەرس)

بۆلۈم: “يىگىرمە بىرىنچى دەرس (21-دەرس)”

«نُحِبُّ» كەلگۈسى زامان پېئىلى

بۆلۈم: “«نُحِبُّ» كەلگۈسى زامان پېئىلى”
  • I شەخس كۆپلۈك كەلگۈسى زامان پېئىلى بولۇپ، پائىلى ئۆز ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئالماش «نَحْنُ»دۇر:
    • نَحْنُ نُحِبُّهُ كَثِيرًا — (بىز ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمىز).

يىگىرمە ئىككىنچى دەرس (22-دەرس)

بۆلۈم: “يىگىرمە ئىككىنچى دەرس (22-دەرس)”

تۈرلىنىشتىن چەكلەنگەن ئىسىملار (الْمَمْنُوعُ مِنَ الصَّرْفِ)

بۆلۈم: “تۈرلىنىشتىن چەكلەنگەن ئىسىملار (الْمَمْنُوعُ مِنَ الصَّرْفِ)”

ئەرەب تىلىدا بىر قىسىم ئىسىملار تەنۋىن (ـٌ، ـً، ـٍ) نى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنداقلا ئىگىلىك (زىرلىك) ھالەتتە زىر ئورنىغا زەبەر قوبۇل قىلىدۇ. 1-قىسىمدا ئۆگىنىلگەن تۈرلىرى:

  1. ئاياللىق ئىسىملار: زَيْنَبُ، مَرْيَمُ، فَاطِمَةُ، عَائِشَةُ.
  2. شەھەر-جايلارنىڭ خاس ناملىرى: مَكَّةُ، جُدَّةُ.
  3. ئاخىرىغا «ة» ئۇلانغان ئەرلىك خاس ئىسىملار: حَمْزَةُ، أُسَامَةُ، مُعَاوِيَةُ، طَلْحَةُ.
  4. ئاخىرى «ان» بىلەن پۈتكەن خاس ئىسىملار: عُثْمَانُ، عَفَّانُ، سُفْيَانُ، مَرْوَانُ.
  5. «فَعْلَانُ» ئۆلچىمىدىكى سۈپەتلەر: كَسْلَانُ، جَوْعَانُ، عَطْشَانُ، شَبْعَانُ، مَلْآنُ.
  6. «أَفْعَلُ» ئۆلچىمىدىكى ئىسىم ۋە رەڭ-سۈپەتلەر: أَنْوَرُ، أَكْبَرُ، أَحْمَدُ، أَحْمَرُ، أَبْيَضُ.
  7. ئەرەب تىلىدىن باشقا تىللاردىن كىرگەن خاس ئىسىملار: إِبْرَاهِيمُ، يُوسُفُ، بَاكِسْتَانُ، بَارِيسُ.
  8. سۇنۇق كۆپلۈك ئۆلچەملىرى:
    • «أَفْعِلَاءُ»: أَصْدِقَاءُ
    • «فُعَلَاءُ»: فُقَرَاءُ
    • «مَفَاعِلُ»: مَدَارِسُ، مَسَاجِدُ
    • «مَفَاعِيلُ»: مَفَاتِيحُ
  • باش كېلىش: هَذَا إِبْرَاهِيمُ (بۇ ئىبراھىمدۇر)
  • چۈشۈم كېلىش: رَأَيْتُ إِبْرَاهِيمَ (مەن ئىبراھىمنى كۆردۈم)
  • ئىگىلىك كېلىش: هَذَا الْكِتَابُ لِإِبْرَاهِيمَ (بۇ كىتاب ئىبراھىمنىڭدۇر — زىر ئورنىغا زەبەر كېلىدۇ).

يىگىرمە ئۈچىنچى دەرس (23-دەرس)

بۆلۈم: “يىگىرمە ئۈچىنچى دەرس (23-دەرس)”

بۇيرۇق پېئىلنام «هَاتِ»

بۆلۈم: “بۇيرۇق پېئىلنام «هَاتِ»”
  • مەنىسى: «ئېلىپ كەل»، «كەلتۈر».
  • ئاتىلىشى: بۇيرۇق پېئىلنام (اسم فعل أمر).
  • تۈرلىنىش شەكىللىرى:
    • بىرلىك ئەرلىك: هَاتِ (مەسىلەن: هَاتِ الْكِتَابَ يَا أَحْمَدُ! — ئى ئەھمەد، كىتابنى ئەكەل!)
    • كۆپلۈك ئەرلىك: هَاتُوا (مەسىلەن: هَاتُوا دَفَاتِرَكُمْ يَا إِخْوَانُ!)
    • بىرلىك ئاياللىق: هَاتِي (مەسىلەن: هَاتِي الْخُبْزَ يَا سُعَادُ!)
    • كۆپلۈك ئاياللىق: هَاتِينَ (مەسىلەن: هَاتِينَ الْأَطْعِمَةَ يَا نِسَاءُ!)

1-قىسىمنىڭ يېپىلىش شېئىرى

بۆلۈم: “1-قىسىمنىڭ يېپىلىش شېئىرى”

تَمَّ بِعَوْنِ اللَّهِ تَعَالَى فِي الْجُزْءِ الْأَوَّلِ
(ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن بىرىنچى قىسىم تامام بولدى).

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.