3. مۇسىبەت، كېسەللىك ۋە جىنازا دۇئالىرى
«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ الْعَظِيمُ الْحَلِيمُ، لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ، لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَرَبُّ الْأَرْضِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ»
«ئۇلۇغ، مۇلايىم (بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان) ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئېسىل ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ رَحْمَتَكَ أَرْجُو فَلَا تَكِلْنِي إِلَى نَفْسِي طَرْفَةَ عَيْنٍ وَأَصْلِحْ لِي شَأْنِي كُلَّهُ، لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ»
«ئى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىغىن، ھەممە ئىشىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايىتى]
«لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ»
«سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سېنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، مەن ھەقىقەتەن (گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدىم.» [تىرمىزى رىۋايىتى]
«اللَّهُ اللَّهُ رَبِّي لَا أُشْرِكُ بِهِ شَيْئًا»
«ئى پەرۋەردىگارىم ئاللاھ! ساڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ إِنَّا نَجْعَلُكَ فِي نُحُورِهِمْ وَنَعُوذُ بِكَ مِنْ شُرُورِهِمْ»
«ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ أَنْتَ عَضُدِي، وَأَنْتَ نَصِيرِي، بِكَ أَجُولُ وَبِكَ أَصُولُ وَبِكَ أُقَاتِلُ»
«ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ تايانچىمسەن، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ھەرىكەت قىلىمەن، سېنىڭ بىلەن كۈچ-قۇۋۋەت تاپىمەن ۋە سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىمەن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
«حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ»
«ئاللاھ بىزگە كۇپايىدۇر، ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ھامىيدۇر!» [بۇخارى رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ رَبَّ السَّمَاوَاتِ السَّبْعِ، وَرَبَّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ، كُنْ لِي جَارًا مِنْ فُلَانِ بْنِ فُلَانٍ وَأَحْزَابِهِ مِنْ خَلَائِقِكَ أَنْ يَفْرُطَ عَلَيَّ أَحَدٌ مِنْهُمْ أَوْ يَطْغَى، عَزَّ جَارُكَ، وَجَلَّ ثَنَاؤُكَ، وَلَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ»
«ئى يەتتە ئاسماننىڭ پەرۋەردىگارى، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانىدىن، ئۇنىڭ مەخلۇقلىرىڭدىن بولغان ئىتتىپاقداشلىرىدىن، ئۇلاردىن بىرەرسىنىڭ ئۈستۈمدىن غالىپ كېلىشىدىن ياكى ھەددىدىن ئېشىشىدىن ماڭا مەدەتكار بولغىن. سېنىڭ مەدەتكارلىقىڭ شەرەپلىكتۇر، ساڭا بولغان مەدھىيەلەر بۈيۈكتۇر، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.» [بۇخارى «ئەدەبۇل مۇفرەد» رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ مُنْزِلَ الْكِتَابِ، سَرِيعَ الْحِسَابِ، اهْزِمِ الْأَحْزَابَ، اللَّهُمَّ اهْزِمْهُمْ وَزَلْزِلْهُمْ»
«ئى كىتابنى نازىل قىلغۇچى، تېز ھېساب ئالغۇچى ئاللاھ! ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلغىن. ئى ئاللاھ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغىن ۋە زىلزىلىگە سالغىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ اكْفِنِيهِمْ بِمَا شِئْتَ»
«ئى ئاللاھ! سەن خالىغان نەرسە بىلەن مەن ئۈچۈن ئۇلارغا كۇپايە قىلغىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيدۇ («أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ» دەيدۇ) ۋە شەك كەلتۈرگەن نەرسىدىن درھال قول ئۈزىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«آمَنْتُ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ»
«ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈردۈم، دەيدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«هُوَ الْأَوَّلُ، وَالْآخِرُ، وَالظَّاهِرُ، وَالْبَاطِنُ، وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ»
«ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى ۋە ئىنتىھاسى يوقتۇر، ئاللاھ بارلىقىنىڭ دەلىللىرى بىلەن ئاشكارىدۇر، ماھىيىتىنى كۆز بىلەن كۆرۈپ يەتكىلى بولمىغىنى ئۈچۈن مەخپىيدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.» (سۈرە ھەدىد، 3-ئايەت) [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ اكْفِنِي بِحَلَالِكَ عَنْ حَرَامِكَ، وَأَغْنِنِي بِفَضْلِكَ عَمَّنْ سِوَاكَ»
«ئى ئاللاھ! مېنى ھالال نەرسەڭ بىلەن ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن، پەزلى-مەرھەمىتىڭ بىلەن مېنى ئۆزەڭنىڭ غەيرىدىن بىھاجەت قىلغىن.» [تىرمىزى رىۋايىتى]
«أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ»
«لەنەتكەردى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىمەن» دەپ سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم سۈلەك چاچماي تۈكۈرىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ لَا سَهْلَ إِلَّا مَا جَعَلْتَهُ سَهْلًا، وَأَنْتَ تَجْعَلُ الْحَزْنَ إِذَا شِئْتَ سَهْلًا»
«ئى ئاللاھ! سەن ئاسانلاشتۇرغاندىن باشقا ھېچ ئاسانلىق يوق، ئەگەر سەن خالىساڭ قايغۇ-قىيىنچىلىقنى ئاسانلىققا ئايلاندۇرىسەن.» [ئىبنى ھىببان رىۋايىتى]
«كىمىكى بىرەر گۇناھ سادىر قىلىپ سالغاندا كامىل تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن ئاللاھقا ئىستىغپار ئېيتسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
1. «أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ» دېيىش. [ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى]
2. ئەزان ئېيتىش. [مۇسلىم ۋە بۇخارى]
3. زىكىر ئېيتىش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش. [مۇسلىم]
«قَدَرُ اللَّهِ وَمَا شَاءَ فَعَلَ»
«بۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«بَارَكَ اللَّهُ لَكَ فِي الْمَوْهُوبِ لَكَ، وَشَكَرْتَ الْوَاهِبَ، وَبَلَغَ أَشُدَّهُ، وَرُزِقْتَ بِرَّهُ»
«پەرزەنتىڭىزگە ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، بۇ پەرزەنتنى ئاتا قىلغۇچىغا شۈكۈر قىلغايسىز، ئۇ قۇرامىغا يەتكەي، سىز ئۇنىڭ ۋاپاسىغا ئېرىشكەيسىز.»
«بَارَكَ اللَّهُ لَكَ وَبَارَكَ عَلَيْكَ، وَجَزَاكَ اللَّهُ خَيْرًا، وَرَزَقَكَ اللَّهُ مِثْلَهُ، وَأَجْزَلَ ثَوَابَكَ»
«ئاللاھ سىزگە ۋە سىزگە تەۋە نەرسىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، ئاللاھ سىزگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن، سىزگىمۇ شۇنداق پەرزەنت ئاتا قىلسۇن ۋە سىزگە كۆپ ساۋاب بەرسۇن.» [ئىمام نەۋەۋى «ئەلئەذكار»]
«أُعِيذُكُمَا بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّةِ مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وَهَامَّةٍ، وَمِنْ كُلِّ عَيْنٍ لَامَّةٍ»
«ئىككىڭلار ئۈچۈن، شەيتاننىڭ ھەرقانداق يامانلىقىدىن، زىيانداشلارنىڭ (يىلان، چايانغا ئوخشاش) يامانلىقىدىن ۋە بارلىق يامان كۆزدىن ئاللاھنىڭ كامىل سۆزلىرى بىلەن سىغىنىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى]
«لَا بَأْسَ طَهُورٌ إِنْ شَاءَ اللَّهُ»
«ھېچقىسى يوق، ئاللاھ خالىسا (گۇناھلاردىن) پاكلىنىپ ساقىيىپ كېتىسىز.» [بۇخارى رىۋايىتى]
«أَسْأَلُ اللَّهَ الْعَظِيمَ رَبَّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ أَنْ يَشْفِيَكَ» (7 قېتىم)
«بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىزگە شىپالىق تىلەيمەن.» (يەتتە قېتىم) [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم مۇسۇلمان قېرىندىشىنى يوقلىغاندا، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانغا قەدەر جەننەتنىڭ مېۋىزارلىقىدا ماڭىدۇ، ئۇ ئادەم ئولتۇرغاندا ئۇنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئورايدۇ. ئەگەر ئەتىگەن يوقلىغان بولسا كەچكىچە، كەچ يوقلىغان بولسا تاڭ ئاتقۇچە 70 مىڭ پەرىشتە ئۇنىڭغا رەھمەت تىلەيدۇ.» [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە، ئەھمەد رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي وَارْحَمْنِي وَأَلْحِقْنِي بِالرَّفِيقِ الْأَعْلَى»
«ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرنىڭ قاتارىغا قوشقىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ إِنَّ لِلْمَوْتِ لَسَكَرَاتٍ»
«بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۆلۈمنىڭ ھەقىقەتەن سەكراتى باردۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭكى ئاخىرقى سۆزى “لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ” بولىدىكەن، جەننەتكە كىرىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]
«إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ، اللَّهُمَّ أْجُرْنِي فِي مُصِيبَتِي وَأَخْلِفْ لِي خَيْرًا مِنْهَا»
«بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇرمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز. ئى ئاللاھ! ماڭا كەلگەن بۇ مۇسىبەت ئۈچۈن ماڭا ئەجىر بەرگىن، ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىراقنى تولۇقلاپ بەرگىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِفُلَانٍ (ئىسمىنى ئاتايدۇ) وَارْفَعْ دَرَجَتَهُ فِي الْمَهْدِيِّينَ، وَاخْلُفْهُ فِي عَقِبِهِ فِي الْغَابِرِينَ، وَاغْفِرْ لَنَا وَلَهُ يَا رَبَّ الْعَالَمِينَ، وَافْسَحْ لَهُ فِي قَبْرِهِ، وَنَوِّرْ لَهُ فِيهِ»
«ئى ئاللاھ! پالانى ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، ھىدايەت تاپقۇچىلار قاتارىدا ئۇنىڭمۇ دەرىجىسىنى كۆتۈرگىن، ئۇنىڭغا ئەۋلادلىرىنى ئىز باسار قىلىپ بەرگىن. ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! بىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ قەبرىسىنى كەڭرى قىلغىن، قەبرىسىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرلۇق قىلغىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لَهُ وَارْحَمْهُ، وَعَافِهِ، وَاعْفُ عَنْهُ، وَأَكْرِمْ نُزُلَهُ، وَوَسِّعْ مُدْخَلَهُ، وَاغْسِلْهُ بِالْمَاءِ وَالثَّلْجِ وَالْبَرَدِ، وَنَقِّهِ مِنَ الْخَطَايَا كَمَا نَقَّيْتَ الثَّوْبَ الْأَبْيَضَ مِنَ الدَّنَسِ، وَأَبْدِلْهُ دَارًا خَيْرًا مِنْ دَارِهِ، وَأَهْلًا خَيْرًا مِنْ أَهْلِهِ، وَزَوْجًا خَيْرًا مِنْ زَوْجِهِ، وَأَدْخِلْهُ الْجَنَّةَ، وَأَعِذْهُ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، وَعَذَابِ النَّارِ»
«ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى خاتىرجەم قىلغىن، ئەپۇ قىلغىن، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆركەم، كىرىش ئېغىزىنى كەڭ قىلغىن. ئۇنى سۇ، قار، مۆلدۈرلەر بىلەن يۇغىن، ئاق كىيىمنى كىردىن پاك قىلغاندەك ئۇنى خاتالىقلاردىن پاك قىلغىن. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قورۇ-جايىدىن ياخشىراق جاي، ئائىلىسىدىن ياخشىراق ئائىلە، خوتۇنىدىن ياخشىراق خوتۇن بەرگىن، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن، ئۇنىڭغا قەبرە ئازابى ۋە دوزاخ ئازابىدىن پاناھلىق بەرگىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِحَيِّنَا وَمَيِّتِنَا، وَشَاهِدِنَا وَغَائِبِنَا، وَصَغِيرِنَا وَكَبِيرِنَا، وَذَكَرِنَا وَأُنْثَانَا، اللَّهُمَّ مَنْ أَحْيَيْتَهُ مِنَّا فَأَحْيِهِ عَلَى الْإِسْلَامِ، وَمَنْ تَوَفَّيْتَهُ مِنَّا فَتَوَفَّهُ عَلَى الْإِيمَانِ، اللَّهُمَّ لَا تَحْرِمْنَا أَجْرَهُ وَلَا تُضِلَّنَا بَعْدَهُ»
«ئى ئاللاھ! ھاياتلىرىمىز ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلىرىمىزنى، بۇ يەردە بارلىرىمىز ۋە يوقلىرىمىزنى، كىچىكلىرىمىز ۋە چوڭلىرىمىزنى، ئەرلىرىمىز ۋە ئاياللىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن. بىزدىن كىمگىكى ھاياتلىق بەرسەڭ ئىسلام بىلەن ياشاتقىن، كىمنىكى ۋاپات قىلدۇرساڭ ئىمان بىلەن ۋاپات قىلدۇرغىن. بىزنى ئۇنىڭ ئەجرىدىن مەھرۇم قىلمىغىن، بىزنى ئۇنىڭدىن كېيىن ئازدۇرمىغىن.» [ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى]
«اللَّهُمَّ أَعِذْهُ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ»
«ئى ئاللاھ! ئۇنى قەبرە ئازابىدىن ساقلىغىن.» [ئىمام مالىك ۋە بەيھەقى رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ اجْعَلْهُ فَرَطًا وَذُخْرًا لِوَالِدَيْهِ، وَشَفِيعًا مُجَابًا، اللَّهُمَّ ثَقِّلْ بِهِ مَوَازِينَهُمَا، وَأَعْظِمْ بِهِ أُجُورَهُمَا، وَأَلْحِقْهُ بِصَالِحِ الْمُؤْمِنِينَ…»
«ئى ئاللاھ! ئۇنى ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان سوۋغات، زەخىرە (ساقلاپ قويۇلغان بايلىق)، دۇئاسى ئىجابەت قىلىنغان شاپائەتچى قىلىپ بەرگىن. ئۇ ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ تارازىسىنى ئېغىر، ئەجرىنى زىيادە قىلغىن، ئۇنى مۆمىنلەر قاتارىغا قوشقىن…» [ئىبنى قۇدامە رىۋايىتى]
«إِنَّ لِلَّهِ مَا أَخَذَ، وَلَهُ مَا أَعْطَى، وَكُلُّ شَيْءٍ عِنْدَهُ بِأَجَلٍ مُسَمًّى، فَلْتَصْبِرْ وَلْتَحْتَسِبْ»
«شۈبھىسىزكى، ئالغىنىمۇ، بەرگىنىمۇ ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مۇئەييەن مۇددەتلىكتۇر. سەۋر قىلغىن، ئەجرىنى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلغىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«أَعْظَمَ اللَّهُ أَجْرَكَ، وَأَحْسَنَ عَزَاءَكَ، وَغَفَرَ لِمَيِّتِكَ»
«ئاللاھ سىزگە كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسۇن، سىزگە ئەڭ گۈزەل سەۋر بەرسۇن، مېيىتىڭىزنى مەغپىرەت قىلسۇن.» [ئىمام نەۋەۋى «ئەلئەذكار»]
«بِسْمِ اللَّهِ وَعَلَى سُنَّةِ رَسُولِ اللَّهِ»
«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بويىچە (قويىمەن).» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لَهُ، اللَّهُمَّ ثَبِّتْهُ»
«ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنى (ھەق سۆز ئۈستىدە) مۇستەھكەم قىلغىن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ھاكىم رىۋايىتى]
«السَّلَامُ عَلَيْكُمْ أَهْلَ الدِّيَارِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُسْلِمِينَ، وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ بِكُمْ لَاحِقُونَ، وَيَرْحَمُ اللَّهُ الْمُسْتَقْدِمِينَ مِنَّا وَالْمُسْتَأْخِرِينَ، أَسْأَلُ اللَّهَ لَنَا وَلَكُمُ الْعَافِيَةَ»
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆمىن-مۇسۇلمانلار قەبرىستان ئەھلى! ھەقىقەتەن بىزمۇ ئىنشائاللاھ سىلەرگە قوشۇلىمىز. بىزدىن بۇ يەرگە كېلىپ بولغانلارغىمۇ، كېلىدىغانلارغىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئاللاھتىن بىز ۋە سىلەر ئۈچۈن تىنچ-ئامانلىق تىلەيمەن.» [مۇسلىم ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]
