5. ھەج-ئۆمرە، تەۋبە ۋە ئەدەپ-ئەخلاق
خۇش-خەۋەر يەتكەندە: «الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي بِنِعْمَتِهِ تَتِمُّ الصَّالِحَاتُ»
«جىمى ھەمدۇ-سانا ئۆز نېمىتى بىلەن ياخشىلىقلار تامام بولىدىغان ئاللاھقا خاستۇر.»
شۇم خەۋەر يەتكەندە: «الْحَمْدُ لِلَّهِ عَلَى كُلِّ حَالٍ»
«ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر.» [ئىبنى سۈننىي ۋە ھاكىم رىۋايىتى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمىكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت ئېيتسا ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئون قېتىم رەھمەت قىلىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«مەن تىلغا ئېلىنغان جايتا ماڭا دۇرۇت ئېيتمىغان ئادەم بېخىلدۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى]
«ھەقىقەتەن زېمىندا ئاللاھنىڭ ساياھەتچى پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار ئۈممىتىمنىڭ سالامىنى ماڭا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.» [نەسائى ۋە ھاكىم رىۋايىتى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچە مۆمىن بولالمايسىلەر. مەن سىلەرگە شۇنداق بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ، ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىسىلەر: ئاراڭلاردا سالامنى كېڭەيتىڭلار (سالاملىشىڭلار).» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت بار، كىمكى بۇ خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرسە ئىمانى تولۇق بولغان بولىدۇ: ئۆزىگە نىسبەتەن ھەققانىي بولۇش، ئۇچرىغانكى كىشىگە سالام قىلىش، ۋە موھتاج تۇرۇپمۇ باشقىلارغا قولى ئوچۇق بولۇش.» [بۇخارى رىۋايىتى]
«وَعَلَيْكُمْ»
«سىلەرگە ئەھلى كىتاب (ياكى غەيرى دىندىكىلەر) سالام قىلسا: ‹وَعَلَيْكُمْ› (سىلەرگىمۇ شۇنداق بولسۇن) دەپ جاۋاب بېرىڭلار.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«سىلەر خورازنىڭ چىللىغىنىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا ئاللاھنىڭ پەزلىنى سوراڭلار، چۈنكى ئۇ پەرىشتىنى كۆرىدۇ. ئېشەكنىڭ ھاڭرىغىنىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سىغىنىڭلار، چۈنكى ئۇ شەيتاننى كۆرىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«كېچىدە ئىتنىڭ قاۋىغىنىنى، ئېشەكنىڭ ھاڭرىغىنىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىڭلار («أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ»). چۈنكى ئۇلار سىلەر كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ فَأَيُّمَا مُؤْمِنٍ سَبَبْتُهُ فَاجْعَلْ ذَلِكَ لَهُ قُرْبَةً إِلَيْكَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ»
«ئى ئاللاھ! مەن تىللاپ سالغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانغا ئۇنىڭ مەندىن ئاڭلىغان كۆڭۈلسىزلىكىنى قىيامەت كۈنىدە ساڭا يېقىنلاشتۇرىدىغان سەۋەب قىلىپ بەرگىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى مەدھىيىلىمەكچى بولسا: ‹پالانچىنى مۇنداق دەپ ئويلايمەن، ئۇنىڭدىن ھېساب ئالغۇچى ئاللاھ ئۆزىدۇر، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچكىمنى ئاقلىمايمەن› دېسۇن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ لَا تُؤَاخِذْنِي بِمَا يَقُولُونَ، وَاغْفِرْ لِي مَا لَا يَعْلَمُونَ، [وَاجْعَلْنِي خَيْرًا مِمَّا يَظُنُّونَ]»
«ئى ئاللاھ! ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى سەۋەبلىك مېنى جاۋابكارلىققا تارتما، ئۇلار بىلمەيدىغان خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، مېنى ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ياخشى ھالەتكە ئېرىشتۈرگىن.» [بۇخارى «ئەدەبۇل مۇفرەد» رىۋايىتى]
«لَبَّيْكَ اللَّهُمَّ لَبَّيْكَ، لَبَّيْكَ لَا شَرِيكَ لَكَ لَبَّيْكَ، إِنَّ الْحَمْدَ، وَالنِّعْمَةَ، لَكَ وَالْمُلْكَ، لَا شَرِيكَ لَكَ»
«ئى ئاللاھ! مەن چاقىرىقىڭغا ئىتائەت قىلدىم، مەن چاقىرىقىڭغا ئىتائەت قىلدىم، سېنىڭ ھېچقانداق شېرىكىڭ يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، ھەمدۇ-سانا، نېمەت ۋە پادىشاھلىق ساڭا خاستۇر، سېنىڭ ھېچقانداق شېرىكىڭ يوقتۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلغاندا، ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئىشارەت قىلىپ تەكبىر («اللَّهُ أَكْبَرُ») ئېيتاتتى. [بۇخارى رىۋايىتى]
﴿رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ﴾
«ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن ۋە ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.» (سۈرە بەقەرە، 201-ئايەت) [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايىتى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سافاغا يېقىنلاشقاندا: ﴿إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، «ئاللاھ باشلىغاندىن باشلايمەن» دەپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىپ تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇيتتى:
«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ، أَنْجَزَ وَعْدَهُ، وَنَصَرَ عَبْدَهُ، وَهَزَمَ الْأَحْزَابَ وَحْدَهُ»
«ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە بارلىق ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، بەندىسىگە ياردەم بەردى ۋە ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى ئۆزى يالغۇز مەغلۇپ قىلدى.» (ئاندىن ئارىلىرىدا خالىغانچە دۇئا قىلىپ بۇنى 3 قېتىم تەكرارلايدۇ). [مۇسلىم رىۋايىتى]
«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇئانىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەفە كۈنىدىكى دۇئادۇر. مەن ۋە مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېيتقان ئەڭ ياخشى سۆز: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەت ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» دېگەن كەلىمىدۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەشئەرۇل ھەرامغا كەلگەندە، قىبلىگە قاراپ ئاللاھقا دۇئا قىلدى، تەكبىر («اللَّهُ أَكْبَرُ»)، تەھلىل («لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ») ئېيتتى، تاڭ يورۇغۇچە شۇ ھالەتتە تۇردى، ئاندىن كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى يۆتكەلدى. [مۇسلىم رىۋايىتى]
ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا تەكبىر («اللَّهُ أَكْبَرُ») ئېيتىدۇ. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جەمرەگە تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن قىبلىگە قاراپ قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«سُبْحَانَ اللَّهِ!»، «اللَّهُ أَكْبَرُ!»
«ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر!» [بۇخارى]، «ئاللاھ كاتتىدۇر!» [بۇخارى ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىرەر خۇشاللىنارلىق خەۋەر يەتسە، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن دەرھال شۈكۈر سەجدىسى قىلاتتى. [ئەھلۇسسۈنەن رىۋايىتى]
بەدەندىكى ئاغرىغان جايغا قولنى قويۇپ تۇرۇپ: «بِسْمِ اللَّهِ» (ئۈچ قېتىم) دەيدۇ، ئاندىن يەتتە قېتىم مۇنداق دەيدۇ:
«أَعُوذُ بِاللَّهِ وَقُدْرَتِهِ مِنْ شَرِّ مَا أَجِدُ وَأُحَاذِرُ» (7 قېتىم)
«مەن ھېس قىلىۋاتقان ۋە قورقۇۋاتقان ئاغرىقنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىگە سىغىنىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىدىن، قېرىندىشىدىن ياكى مېلىدىن ئەجەبلەندۈرىدىغان بىرەر ئەھۋالنى كۆرسە، ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلسۇن («مَا شَاءَ اللَّهُ لَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ، اللَّهُمَّ بَارِكْ فِيهِ» دېگەندەك)، چۈنكى كۆز تېگىش ھەقىقەتتۇر.» [ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]
«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ»
«ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«بِسْمِ اللَّهِ وَاللَّهُ أَكْبَرُ [اللَّهُمَّ مِنْكَ وَلَكَ] اللَّهُمَّ تَقَبَّلْ مِنِّي»
«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (بوغۇزلايمەن)، ئاللاھ ئۇلۇغتۇر. ئى ئاللاھ! بۇ سەندىندۇر ۋە سەن ئۈچۈندۇر، بۇنى مەندىن قوبۇل قىلغىن.» [مۇسلىم ۋە بەيھەقى رىۋايىتى]
«أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّاتِ الَّتِي لَا يُجَاوِزُهُنَّ بَرٌّ وَلَا فَاجِرٌ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ، وَبَرَأَ وَذَرَأَ، وَمِنْ شَرِّ مَا يَنْزِلُ مِنَ السَّمَاءِ، وَمِنْ شَرِّ مَا يَعْرُجُ فِيهَا، وَمِنْ شَرِّ مَا ذَرَأَ فِي الْأَرْضِ، وَمِنْ شَرِّ مَا يَخْرُجُ مِنْهَا، وَمِنْ شَرِّ فِتَنِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ، وَمِنْ شَرِّ كُلِّ طَارِقٍ إِلَّا طَارِقًا يَطْرُقُ بِخَيْرٍ يَا رَحْمَنُ»
«ئاللاھنىڭ سالىھلارمۇ ۋە پاسىقلارمۇ ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان كامىل كەلىمىلىرى بىلەن، ئۇ ياراتقان بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ يامانلىقىدىن، ئاسماندىن چۈشىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنىڭ شەررىدىن، زېمىندا تارقالغان ۋە ئۇنىڭدىن چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ شەررىدىن، كېچە-كۈندۈزنىڭ پىتنىلىرىدىن ۋە خەيرلىك ئىشىك قاققۇچىدىن باشقا ھەر بىر كېچىدە كەلگۈچىنىڭ شەررىدىن ساڭا سىغىنىمەن، ئى رەھمان ئاللاھ!» [ئەھمەد ۋە ئىبنى سۈننىي رىۋايىتى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەر كۈنى ئاللاھتىن يەتمىش قېتىمدىن كۆپرەك مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى]
«ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مەن ئاللاھقا كۈنىگە يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«أَسْتَغْفِرُ اللَّهَ الْعَظِيمَ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْحَيَّ الْقَيُّومَ وَأَتُوبُ إِلَيْهِ»
«ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ئۇ زاتقا تەۋبە قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ھاياتتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر.» [ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايىتى]
«سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ» (100 قېتىم)
«كىمكى كۈنىگە 100 قېتىم: ‹سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ› دېسە، گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ بولسىمۇ مەغپىرەت قىلىنىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ، سُبْحَانَ اللَّهِ الْعَظِيمِ»
«ئېيتىشقا تىلغا يەڭگىل، مىزاندا ناھايىتى ئېغىر، رەھمان ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان ئىككى كەلىمە بار، ئۇلار: ‹سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ، سُبْحَانَ اللَّهِ الْعَظِيمِ› دۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ»
«ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچبىر كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر.» بۇ كەلىمە جەننەت خەزىنىلىرىدىن بىر خەزىنىدۇر. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسبىھ ئېيتقاندا، ئۇنى ئوڭ قولىنىڭ بارماق بوغۇملىرى بىلەن سانىغانلىقىنى كۆردۈم.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كەچ كىرگەندە كىچىك بالىلىرىڭلارنى تاشقىرىغا چىقىشتىن چەكلەڭلار. چۈنكى بۇ چاغدا شەيتانلار تارىلىدۇ، كەچنىڭ بىر قىسمى ئۆتۈپ بولغاندا ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاڭلار (چۈنكى شەيتان تاقالغان ئىشىكنى ئاچالمايدۇ)، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ قاچا-قاچىلىرىڭلارنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويۇڭلار، ۋە چىراغلىرىڭلارنى ئۆچۈرۈڭلار.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
ئاخىرىدا دۇئا: بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئۇلۇغ ئىگىمىز ئاللاھ تائالادىن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارغا ساداقەت بىلەن ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمانلارغا چەكسىز رەھمەت، ئامانلىق ۋە سالاملار بولسۇن!
