Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

مۇئەللىپ ھەققىدە ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى

This content is not yet available in your language.

ناھايىتى كۆيۈمچان، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن ۔1968 ۔10يىلى فېۋرال كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە ئىلىم۔مەرىپەتلىك ئائىلە — مۇھەممەد تۇرسۇن ھاجىم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھۆكۈمەت مەكتىپىگە كىچىك يېشىدىلا ئوقۇشقا كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەھەللىدىكى يوشۇرۇن مەدرىسىدە ئاخشاملىرى «قۇرئان كەرىم»نى يادلاشقا باشلىغان. 1985 ۔ يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش بىلەن بىرگە، قارىيلىقنىمۇ تولۇق تۈگەتكەن. شۇ يىلى رامىزان ئېيىدا ئۇ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ چوڭ جامەسىدە تۇنجى خەتمىنى ئۆتكەندە، كېرىيە خەلقىنىڭ زور ئالقىشىغا ۋە كاتتا ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن شۇنىڭدىن كېيىن بىر يىلغا يېقىن ئەرەب تىلى ئۆگەندى. 1986 يىلى ئۇنى ئاتىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارىدىغان ھاجىلارغا قېتىپ قويدى ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج پائالىيەتلىرىنى تۈگىتى پ، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىگە ئوقۇشقا بارغان ۋە ئىككى ئايلىق ئەرەب تىلى كۇرسىدىن كېيىن، ئەزھەر ئىنىستىتۇتىنىڭ بىرىنچى سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن. تۆت يىللىق ئېنىستىتۇتنى مۇسابىقە ئارقىلىق ئۈچ يىلدا تۈگىتى پ، 1989 ۔ يىلىنىڭ ئاخىردا ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشكەن. 1993 ۔ يىلى ئۇنىۋېرستېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيەدە بىر يىل ئەرەب تىلى ۋە «قۇرئان كەرىم» ئۆگىتىشتىن مۇئەللىم بولغان. 1995 ۔ يىلى فېۋرال ئېيىدا ئۇ قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئىسىك شەھىرىگە كېلىپ ئۇ جايدىكى «قازاق۔تۈرك ئىنستىتۇتى » دا ئەرەب تىلىدىن مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇ بىر تەرەپتىن قازاقىستاننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك گېزىتلىرىدىن «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىدە دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»، «ناماز ئوقۇش قائىدىسى»، «ئىسلام ئەقىدىلىرى»، «زاكات كىتابى»، «روزا ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ چىقىپ نەشر قىلدۇردى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى قىزىقى پ ئوقۇيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ۋە بەزى كىتابلىرىنى قازاق قېرىنداشلار قازاقچىغا تەرجىمە قىلى پ « شافاغات نۇر» دېگەن ئايلىق قازاقچە ژۇرنالدا يىللارچە ئېلان قىلغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ يىل70 دىنسىزلىق ھۆكۈم سۈرگەن بىر مەملىكەتتە، يىللاردىن بىرى كوممۇنىزم بىلەن سوتسىيالىزمنى ۋە دىنسىزلىقنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن گېزىتلەردە تۇنجى بولۇپ « بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» دەپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن دىنى ماقالە يازغان، كىشىلەرگە دىننى ئۆگەتكەن ئىدى. مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن 2001 ۔ يىلىغىچە قازاقىستاندا ئەنە شۇنداق بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇش ۋە يېزىش، يەنە بىر تەرەپتىن خەلققە دىننى توغرا يوسۇندا يەتكۈزۈش بىلەن شۇغۇللاندى. شۇ يىلى ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس تەكلىپى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت رادىيوسى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە دىكتور بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدى. 2005 ۔ يىلدىن 2023 ۔ يىلغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن ھازىر «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» تەركىبىدىكى «ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»نىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە كىتاب يېزىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ تۇنجى بولۇپ، «ئىككى دۇنيا سائادىتى» ناملىق بىر كىتابچە يازغان ۋە ئۇنى ۋەتەنگە قېرىنداشلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار نۇسخىلارغا كۆپەيتىپ ئوقۇپ پايدىلانغان. ھازىر بۇ ئەسەر قوليازما ھالىتىدە ساقلىنىپ تۇرماقتا. مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ پىكىر۔ قارىشى مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن دىنىي جەھەتتە ئوتتۇراھاللىقنى ئاساس قىلغان ئىلغار پىكىر۔قاراشقا ئىگە بولۇپ، رادىكاللىقتىن ۋە چەكلىك مۇھىت تەسىرىدىن ئەلۋەتتە يىراقتۇر. تىنىمسىز ئىزدىنىش روھىغا ئىگە مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن ھازىرغىچە 30 پارچىغا يېقىن ئەسەر يازغاننىڭ سىرتىدا، ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا 20 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ ھەر قايسى گېزىت۔ژۇرناللاردا ۋە ئىنتېرنېت تورلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى 1500 پارچىدىن ئاشىدۇ، 300 پارچىدىن كۆپرەك ئۈن _ سىن پروگراممىسى ۋە ئايرىم سۆھبەت لېنتىلىرى تارقالغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋۇسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرى كۆپ تېپىلىدۇ، بولۇپمۇ قازاقىستاندا نۇرغۇن كىتابلىرى كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەممە كىشى ئۈچۈن تولىمۇ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، تىلى راۋاندۇر. شۇڭا ھەركىم ئۇنى قەدىرلەپ ئوقۇيدۇ. ۋەتەن ئىچىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننى ئۇيغۇر تارىخىدا ئەڭ كۆپ مول ھوسۇللۇق دىنىي زىيالىي دەپ باھالايدۇ. ئۇ ئىلغار پىكىرلىك ئۆلىما ۋە ئىسلامىي يازغۇچىدۇر. ئەسەرلىرى

تۆۋەندە ئۇنىڭ كىتابلىرىنى تونۇشتۇرىمىز:

.1 «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى » يىلى بىرىنچى نەشرى، ئىستانبۇل. 2002 يىلى ئىككىنچى نەشرى، ئىستانبۇل، 2010 ۔يىلى ئۈچىنچى نەشرى بېيرۇتتا، تۆتىنچى نەشرى 2013 ۔ يىلى مىسىردا، سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 2020 ۔ يىلى ئالمۇتىدا بېسىلغان. .2 «ئىسلام ئەقىدىلىرى » 1997 يىلى بىرىنچى نەشرى، ئالمۇتا، سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، يىلى ئىككىنچى نەشرى قەشقەردە ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2003 يىلى ئۈچىنچى نەشرى ئالمۇتا قازاق تىلىدا، يىلى تۆتىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2005 ۔يىلى ئالمۇتىدا سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2006 ۔يىلى ئالمۇتىدا قازاق تىلىدا، 2008 ۔يىلى سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2009 ۔يىلى يەنە سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2010 ۔يىلى يەنە سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2013 ۔ يىلى ئالتىنچى نۇسخىسى مىسىردا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بېسىلغان. رۇسچە نەشرى ھازىر ئالمۇتىدا يورۇق كۆرۈش ئالدىدا تۇرماقتا. .3 «ناماز ۋە ئۇنىڭ قائىدە تەرتىپلىرى» بىرىنچى نەشرى 1998 يىلى ئالمۇتا سىلاۋىيان ۋە ئەرەب يېزىقلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، ئىككىنچى نەشرى 2007 ۔يىلى ئەرەب ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىستانبۇلدا، ئۈچىنچى نەشرى 2008 ۔يىلى بېيرۇتتا، تۆتىنچى نەشرى 2013 ۔ يىلى بېيرۇتتا، بەشىنچى نەشرى 2017 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا بېسىلغان. .4 «ناماز ھەققىدە ساۋات » 1998 سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىرىنچى نەشرى ئالمۇتا، 2006 ۔يىلى ئىككىنچى نەشرى ئالمۇتا، 2008 ۔ يىلى ئۈچىنچى نەشرى ئالمۇتا، تۆتىنچى نەشرى 2009 ۔يىلى ئالمۇتا، 2010 ۔يىلى بەشىنچى نەشرى ئالمۇتىدا ئالاھىدە رەڭلىك بېسىلدى. ۔2013۔2012 ۔2014 2016 ۔ يىللىرى ئارقا _ ئارقىدىن يەنە ئالمۇتىدا نەشر قىلىندى. 2020 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا رەڭلىك بېسىلغان. .5 «روزا ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى » 1999 ۔ يىلى ئالمۇتىدا بىرىنچى نەشرى ئەرەب ۋە سىلاۋىيان يېزىقلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2004 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. .6 «دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايلى» («يېڭى ھايات» ۋە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ توپلىمى،) 1999 ۔ يىلى بىرىنچى نەشرى ئالمۇتىدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، ئىككىنچى نەشرى 2005 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا بېسىلغان. .7 «زاكات كىتابى » 2003 ۔ يىلى بىرىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2018 ۔ يىلى ئىككىنچى نەشرى يەنە ئىستانبۇلدا بېسىلغان. .8 «دۇئا ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى » 2004 ۔يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. .9 «ئىلاھىي قورغان» بىرىنچى نەشرى 2005 ۔ يىلى، ئىككىنچى نەشرى 2006 ۔يىلى، ئۈچىنچى نەشرى 2010 ۔ يىلى، ئىستانبۇلدا، تۆتىنچى نەشرى 2012 ۔يىلى بېيرۇتتا، بەشىنچى نەشرى 2013 ۔ ئىستانبۇلدا، ئالتىنچى نەشرى 2016 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا بېسىلغان. .10 «غەرب مەدەنىيىتى ۋە بىز » 2004 ۔ يىلى بىرىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بېسىلغان. .11 «ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى » 2005 ۔يىلى بىرىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا، 2007 ۔يىلى ئىككىنچى نەشرى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيازدا، 2009 ۔ يىلى ئۈچىنچى نەشرى ئالمۇتىدا سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، تۆتىنچى نەشرى 2011 ۔ يىلى مەككىدە، بەشىنچى نەشرى 2017 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا بېسىلغان. .12 «ئىسلامدىكى ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلار» بىرىنچى نەشرى 2009 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، ئىككىنچى نەشرى 2010 ۔ يىلى ئالمۇتىدا سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، ئۈچىنچى نەشرى 2010 ۔ يىلى بېيرۇتتا، تۆتىنچى نەشرى 2013 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا، بەشىنچى نەشرى 2017 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بېسىلغان. 13 «بەش پەرز ۋە ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى » 6 كىتابنىڭ توپلىمى بولۇپ، 2009 ۔يىلى بېيرۇتتا قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ بېسىلغان. .14 «ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دىنىي ساۋات» بىرىنچى نەشرى ۔يىلى2009 بېيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2012 ۔يىلى بېيرۇتتا، ئۈچىنچى نەشرى 2013 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا، تۆتىنچى نەشرى 2020 ۔ يىلى سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئالمۇتىدا بېسىلغان. .15 «دىن ۋە ھايات 1600( سوئالغا جاۋاب ») 2009 ۔ يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان. .16 «دىن ۋە ھايات 2000( سوئالغا جاۋاببىرىنچى ۋە ئىككىنچى نەشرى 2010 ۔ يىلى، ئۈچىنچى نەشرى 2011 ۔ يىلى بېيرۇتتا، تۆتىنچى نەشرى 2013 ۔ يىلى قاھىرەدە، بەشىنچى نەشرى 2014 ۔ يىلى بېيرۇتتا ئىككى توملۇق نەشر قىلىنغان. سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچىسىنىڭ بىرىنچى نەشرى 2013 ۔ يىلى ئالمۇتىدا، ئىككىنچى نەشرى 2014 ۔ يىلى ئالمۇتىدا، ئۈچىنچى نەشرى 2015 ۔ يىلى ئالمۇتىدا، تۆتىنچى نەشرى 2023 ۔ يىلى ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان .17 «ئىسلام ئەخلاقى» بىرىنچى نەشرى 2010 ۔ يىلى بېيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2013 ۔ يىلى مىسىردا بېسىلغان. .18 «ھەج بەدەل تىجارىتىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ئوچۇق سۆز » بىرىنچى نەشرى 2012 ۔ يىلى بېيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2013 ۔ مەككىدە نەشر قىلىنغان. .19 «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز؟» بىرىنچى نەشرى 2013 ۔ يىلى بېيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2013 ۔ يىلى قاھىرەدە، ئۈچىنچى نەشرى 2018 ۔ يىلى سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان. .20 «مانا بۇ ئىسلام» بىرىنچى نەشرى 2013 ۔ يىلى قاھىرەدە نەشر قىلىنغان. .21 «ئىسلام دىنىدىن ساۋات » 2017 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. .22 «بەخت _ سائادەتنىڭ 40 رېتسىپى» ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 2017 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا، تۈركچە تەرجىمىسى 2018 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا، سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 2019 ۔ يىلى ئالمۇتىدا، رەڭلىك ئالاھىدە نۇسخىسى 2020 ۔ يىلى يەنە ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان. .23 «قەلەم ئىلھاملىرى» ماقالىلار توپلىمى، 2 توم. بىرىنچى نەشرى 2018 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. .24 «قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب» بىرىنچى نەشرى 2018 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. .25 «ئازغۇن پىرقىلەر» بىرىنچى نەشرى 2018 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. .26 «ئەڭگۈشتەر»مۇئمىننىڭ ھەمراھىبىرىنچى نەشرى ۔2019 يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. .27 «ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ»»ئاللاھ بىلەن بولغان ھايات ) بىرىنچى نەشرى 2020 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا، ئىككىنچى نەشرى 2023 ۔ يىلى قازاقىستاندا كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىنغان. .28 «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى» بىرىنچى نەشرى 2021 ۔، يىلى ئىككىنچى نەشرى 2022 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا، ئۈچىنچى نەشرى 2002 ۔ يىىلى كىرىل يېزىقىدا ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان. .29 «تەپەككۇر ئىلھاملىرى» ماقالىلار توپلىمى، 2 توم. بىرىنچى نەشرى 2024 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. .30 «ئەقىدە»، «ئىبادەت»، «ئەخلاق» ئۈچ يۈرۈشلۈك كىتابچە، 2024 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى، .31 «تەپسىر جەۋھەرلىرى » 10 توم، بىرىنچى نەشرى 2018 ۔ يىلى ئالمۇتىدا كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، ئىككىنچى نەشرى 2024 ۔ يىلى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. .32 «بىزنىڭ دىنىمىز» تۇنجى نەشرى 2025 ۔ يىلى ئىستانبۇلدا، كىرىل يېزىقىدىكى نەشرى شۇ يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە نەشر قىلىندى. نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەسەرلىرى

  • 1. «قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرى.»

  • 2. « غۇربەتتىكى ياشلىق» (شېئىرلار توپلىمى.)

  • 3. «يۈرەك سىرى» (شېئىرلار توپلىمى.)

  • 4. «قۇرئان كەرىم بىزنىڭ نىجات يولىمىزدۇر.»

  • 5. «بەختلىك ھايات» نەشر قىلىنىش ئالدىدا.

ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىدىن بەزىسى

بۆلۈم: “ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىدىن بەزىسى”
  • 1. «قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.»

  • 2. «تەپسىرى مۇيەسسەر». بىر گۇرۇپپا ئۆلىمالار تەييارلىغان.

  • 3. «ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي ماقالىلار توپلىمى». بىر گۈرۇپپا

ئۆلىمالار تەييارلىغان.

  • 4. «قۇرئاندىكى دىنلار». دوكتور مەھمۇد شەرىف.

  • 5. «ھەقىقەتنىڭ ئېلانى». ئەللامە رەھمەتۇللاھ ھىندىي.

  • 6. «تەۋھىد كىتابى». ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى سالىھ

ئەلفەۋزان.

  • 7. «توغرا ئەقىدە». ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز.

  • 8. «ئىمان ئاساسلىرىنىڭ شەرھى». ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى

سالىھ ئەل ئۇسەيمىن.

  • 9. «ئەھلى سۈننەتنىڭ يولى». ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى

ئابدۇلۋەھھاب. . 10 «خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەسلى ۋە بۈگۈنى». ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇللاھ سەھىم. . 11 «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇشى». مۇھەممەد ئىبنى ناسىرۇددىن ئەلبانىي. . 12 «بەختلىك ھايات يوللىرى». ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر ئەل سەئدىي. . 13 «مۇسۇلمانلارغا مۇھىم تەلىماتلار». ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز. . 14 «نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنىڭ 33 ئامىلى». ئەللامە سالىھ ئەل مۇنەججىد. — نەشرىياتتىن

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.