توققۇز تەۋسىيە
This content is not yet available in your language.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! ئالدى بىلەن ئۆزۈمگە، ئاندىن سىزگە تەقۋالىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، تەقۋالىق [^1] ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىقتىن چىقىش يولىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
﴿وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ﴾
«كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ.[^2]»
كەتكەن كەتتى، ئۇنىڭغا ھەسرەت چەكمەڭ. چۈنكى ئۆتكەنگە ھەسرەت چېكىدىغانلارغا دۇنيا تەبەسسۇم قىلمايدۇ، شۇڭا سىز تۆكۈلگەن سۈتكە ھەسرەت چېكىشنىڭ ئورنىغا تۆكۈلگەن سۈتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىڭ.
ئۈمىدۋار بولۇڭ. چۈنكى ئۈمىدۋار كىشىلەر كېچىدە ئاسمانغا قاراپ ئاينىڭ يورۇقىنى ۋە چاقنىغان يۇلتۇزلارنى كۆرىدۇ، ئۈمىدسىز ئادەم ئاسمانغا قاراپ قاراڭغۇلۇقتىن باشقىسىنى كۆرەلمەيدۇ. ئۈمىدۋار ئادەم ئاللاھ تائالا توغرۇلۇق ئىجابىي قاراشتا بولىدۇ، ئۈمىدسىز ئادەم ئۇنىڭغا سەلبىي قاراشتا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا: «بەندەم مەن توغرۇلۇق قانداق قاراشتا بولسا، ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن [^1]»
دېگەن.
ياردەمگە موھتاج بولغان كۈنلىرىڭىزدە سىزگە ياردەم قولىنى سۇنغان كىشىلەرنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماڭ. ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ياخشىلىقىنى قايتۇرۇڭ.
قايتۇرالمىسىڭىز ھەققىدە دۇئا قىلىڭ.
كېچىنى قاراڭغۇلۇق باسقاندا، سىز شام كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇڭكى، چىراغلارغا تاش ئاتىدىغانلاردىن بولماڭ. تاڭ ئاتقاندا قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالىدىغانلاردىن بولۇڭكى، كۈن چىققاندىمۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلايدىغانلاردىن بولماڭ.
تاغنىڭ چوققىسىغا يېقىنلاپ چىققان ۋاقتىڭىزدا مەغرۇرلانماڭ، چۈنكى ئۇ چاغدا تەڭپۇڭلۇقىڭىز بۇزۇلۇپ يىقىلىپ چۈشىسىز.
تاغقا چىقمىغانلارنى پاكار دەپ ئويلاپ قالماڭ. «تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىشىلەردىن يۈز ئۆرۈمىگىن، يەر يۈزىدە غادىيى پ ماڭمىغىن. چۈنكى، ئاللاھ ھەرقانداق ھاكاۋۇر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ.[^1]»
ئۈمىدسىزلىكنى قەلبىڭىزگە يولاتماڭ. چۈنكى، ئۈمىدسىزلىك كۆزلەرنى يۇمدۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېچىلغان ئىشىكلەرنى ۋە سوزۇلغان قوللارنى كۆرگىلى بولمايدۇ. «سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار.[^1]»
يېڭىلىشنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭ. چۈنكى ئۇ مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى تەجرىبىدۇر، خالاس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
«ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار.
ھەقىقەتەن ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق.[^1]»بار
ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتىن بىر كۈنمۇ توختاپ قالماڭ. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ تائالاغا يېتىشنىڭ شوتىسى، جەننەتكە كىرىشنىڭ يولى، بەختلىك ھايات كەچۈرۈشنىڭ يېتەكچىسىدۇر.
دۇنيالىق ئۈچۈنمۇ ئىلىم كېرەك، ئاخىرەتلىك ئۈچۈنمۇ ئىلىم كېرەك، دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ئىككىلىسى ئۈچۈنمۇ ئىلىم كېرەك. مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل ۋە ھۆر ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە ئىلىم كېرەك. ئىلىم۔پەن بىلەن قوراللىنىش ئارقىلىق كۈچلۈك بولغىلى بولىدۇ، كۈچلۈك بولغاندا ئۆز۔ئۆزىمىزگە غوجا بولغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇش، ئۆگىنىش بىز ئۈچۈن تاللاش ئەمەس، بەلكى پەرزدۇر.
- تەقۋادارلىق ياكى تەقۋالىق _ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ،
- توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ
- جازاسىدىن قورقۇش، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش كۆرۈپ، دۇنيا
- ئاخىرەتتە ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش
- دېگەنلىكتۇر.
- تەلاق سۈرىسى: 3۔2 ۔ ئايەتلەر.
- ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
- لۇقمان سۈرىسى: ئايەت18 ۔.
- زۇمەر سۈرىسى: ئايەت53 ۔.
- شەرھ سۈرىسى: 6۔5 ۔ ئايەتلەر.
