Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

كىرىش سۆز

This content is not yet available in your language.

ناھايىتى كۆيۈمچان، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بارچە ھەمدۇسانا ئىنسانلارغا ئۇلۇغ دىننى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە چاقىرغان، ئىمان ئېيتقانلارنى ئۆزىنىڭ پەزلى۔كەرەمى بىلەن ھۇزۇر۔ھالاۋەتلىك ھاياتقا نائىل قىلغان، ئالەملەرنىڭ رەببى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسا نىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇفرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسا لامغا دۇرۇت، دۇئا ۋە سالاملىرىمنى يوللايمە. ئۇنىڭ ئائىلە — تاۋا بىئاتلىرىغا ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرىغان مۇئمىنلەرگە مەڭگۈلۈك ئامانلىق تىلەيمەن.

دۇنيادا ھەرقانداق ئىنسان بەخت-سائادەت ئىزدەيدۇ ۋە ئۆمرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. چۈنكى، بىزگە بېرىلگەن بۇ ھايات تولىمۇ قىسقا بولۇپ، مەنىسىز ئۆتكۈزۈش ئۇنى تېخىمۇ قىسقارتىۋېتىدۇ. ھايات باشتىن ئاخىر جاپا ۋە سىناقلار بىلەن تولغان بولۇپ، ھاياتنىڭ تۈرلۈك۔ تۈمەن جاپا۔مۇشەققەتلىرى ۋە دەرد۔ئەلەملىرى ئالدىدا قەددىنى رۇس تۇتالىغان ۋە قەلب قاتلىرىدىن كۈلەلىگەن، مىننەتدارلىق بىلەن سەۋرچانلىقتا يېتىلگەن ئادەم ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى بەختلىك قىلالايدىغان ئادەمدۇر. چۈنكى، بىزنىڭ يولباشچىمىز ۋە ئۈلگىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «مۇئمىن ئادەمنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك. ئۇنىڭ ھەممە ئىشى ياخشىلىقتۇر، بۇ ياخشىلىق مۇئمىن ئادەمدىن باشقىسىغا نېسىپ بولمايدۇ. ئۇنىڭغا بىرەر ياخشىلىق يەتسە شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر، بېشىغا خاپىلىق كەلسە سەۋر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر.[[[» پېقىر بەخت-سائادەتنىڭ سىرلىرى، خۇشاللىقنىڭ ئاچقۇچلىرى ھەققىدە ۋە قانداق قىلغاندا ھاياتىمىزنى مەنىلىك ۋە بەرىكەتلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ، دېگەن تېمىدا يىللارچە ئىزدەندىم، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇدۇم ۋە ئۆزۈمنى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىلگەنلىرىمنى خەلقىم بىلەن ئورتاقلىشىشقا ۋە ھايات دەرسلىرىدىن بىرگە پايدىلىنىشقا ئىنتىلدىم.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! قولىڭىزدىكى «ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ» دېگەن بۇ ئەسەر بۇنىڭدىن بۇرۇن نەشر قىلىنغان «بەخت-سائادەتنىڭ 40 رېتسىپى»، «ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ»، «ئەڭگۈشتەر» ناملىق ئەسەر لىرىمنىڭ داۋامىدۇر.

جانابى ئاللاھ تائالادىن بۇ ئاددىي رىسالىنى خەلقىم ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى ۋە بۇ ئەمگىكىمنىڭ ئەجىر۔ ساۋابىدىن پېقىرنى ۋە ئاتا۔ئانامنى بەھرىمەن قىلىشىنى تىلەيمەن.

__ مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن يىل202512 ئىيۇل، ئىستانبۇل تۈركىيە.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.