تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت: ...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى
كونا ھۆججەتلەرنى تازىلاپ ئەڭ يېڭى مەزمۇنلارنى يۈكلەيدۇ

4-قىسىم: ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئىشلار

تۆتىنچى قىسىم: ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئىشلار

بۆلۈم: “تۆتىنچى قىسىم: ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئىشلار”

يىگىرمە ئىككىنچى بۆلۈم: تەۋبە قىلىش، ئۇنىڭ شەرتلىرى، رۇكنىلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا

بۆلۈم: “يىگىرمە ئىككىنچى بۆلۈم: تەۋبە قىلىش، ئۇنىڭ شەرتلىرى، رۇكنىلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا”

بىلگىنكى، گۇناھلار مەشۇقنىڭ ۋەسلىگە يېتىشتىن توسىدۇ. مەشۇقتىن يىراقلاشتۇرغۇچى نەرسىدىن يۈز ئۆرۈش ۋاجىبتۇر.

مەشۇقتىن يىراقلاشتۇرغۇچى نەرسىدىن يۈز ئۆرۈش ئىلىم، پۇشايمان قىلىش ۋە مەئسىيەتلەرنى تەرك ئېتىشكە كەسكىن بەل باغلاش بىلەن بولۇر. چۈنكى، ئىنسان گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ ھىجرانغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلمايدۇ ۋە جۇدالىق يولدا ماڭغانلىقىغا ھەسرەت چەكمەيدۇ، ئەگەر ھەسرەت چەكمىسە گۇناھ يولىدىن قايتمايدۇ.

ئاللاھ تائالا (گۇناھ-مەئسىيەتتىن تېيىلىپ) تەۋبە قىلىشقا بۇيرۇپ: «ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار» «24نۇر-31»، يەنە: «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. ئۇلار: ‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن› دەيدۇ» «66تەھرىم-8»، ھەمدە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ» «2بەقەرە-222» دېگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى خالايىق! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن مەن ئاللاھقا بىر كۈندە 100 قېتىم تەۋبە قىلىمەن» دېگەن.

«سەھىھەين»دە، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سۇ ۋە گىياھسىز چۆل-باياۋاندا توختاپ، ئۇخلاپ ئويغىنىپ قارىسا، يېمەك-ئىچمەكلىرى بىلەن تۆگىسى يوقاپ كەتكەن؛ تۆگىسىنى ئىزدەپ بارمىغان يەر قالماي، ئۇنى تېپىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، تەقدىرگە تەن بېرىپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندا، توساتتىن تۆگىسى يېنىدا پەيدا بولۇپ قالغاندىن كېيىن سۇ ئىچىپ، قورسىقىنى تويغۇزغان ئادەم قايسى دەرىجىدە خۇشال بولسا، ئاللاھ تائالامۇ مۇئمىن بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ».

بۇ بارىدا كەلگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ. تەۋبە قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى خۇسۇسىدا ئالىملار بىردەك ئىجمائ قىلغاندۇر. چۈنكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىنساننى ھالاك قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن دەرھال قېچىش ۋاجىبتۇر.

تەۋبە قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

بۆلۈم: “تەۋبە قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى”

داۋاملىق تەۋبە قىلىش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، ئىنسان گۇناھ-مەئسىيەتتىن خالىي بولالمايدۇ. بەدەنىي گۇناھلاردىن ساقلانسىمۇ، قەلب مەئسىيەتلىرىدىن خالىي بولالمايدۇ. قەلبەن گۇناھ-مەئسىيەت قىلىشتىن ساقلانغان تەقدىردە، شەيتاننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىدىن مەشغۇل قىلىدىغان تۈرلۈك خىياللار تاشلاپ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ساقلىنالمايدۇ. ئەگەر بۇنىڭدىن ساقلانغان تەقدىردە، ئاللاھنى، سۈپەتلىرىنى، ئىشلىرىنى ھەقىقىي تونۇشتىكى نۇقساندىن ساقلىنالمايدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى كەمچىلىكتۇر. بۇ كەمچىلىكتىن ھېچكىم ساقلىنالمايدۇ. كىشىلەر كەمچىلىك مىقدارىدا پەرقلىق بولسىمۇ، ئەسلىدە بۇ كەمچىلىك ھەممە كىشىدە تېپىلىدۇ. شۇ بائىس، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەلبىمنى سەھۋەنلىك باسقاندەك بولىدۇ، شۇڭا مەن بىر كېچە-كۈندۈزدە ئاللاھ تائالادىن 70 قېتىم مەغپىرەت تىلەيمەن» دېگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆزىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئىكرام قىلدى: «ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق. ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېئمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن» «48فەتىھ-1-2».

ئۇنداقتا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟!

ئۇسۇلىغا مۇۋاپىق ھالدا قىلىنغان تەۋبە توغرا ۋە ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدا مەقبۇل بولغان تەۋبە بولىدۇ.

ھەقتائالا: «ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ» «42شۇرا-25» دەيدۇ.

باشقا بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىر بەندىنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالمىغانلا بولسا، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ».

بۇ توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر كۆپتۇر.

ئىزاھاتلار:

  • مۇسلىم (2702).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6308)؛ مۇسلىم (2744).
  • ئەھمەد (6160)؛ تىرمىزىي (3537)؛ ئىبنى ماجە (4253). تىرمىزىي، شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار «ھەسەن» دېگەن («سەھىھۇلجامىئ»، 1309).

گۇناھلارنىڭ قىسىملىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “گۇناھلارنىڭ قىسىملىرى توغرىسىدا”

شۇنى ياخشى بىلگىنكى، ئىنساننىڭ ئەخلاق ۋە سۈپەتلىرى نۇرغۇندۇر. لېكىن، ئىخچاملىغاندا گۇناھلار تۆت سۈپەتتىن قوزغىلىدۇ:

بىرىنچى: ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرى. جۈملىدىن تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، ماختانچاقلىق ۋە مەدھىيەلىنىشنى ياخشى كۆرۈش، ئەزىزلىك، ئۈستۈنلۈكپەرەسلىك ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يامان سۈپەتلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ سۈپەتلەر بولسا ئىنساننى ھالاك قىلغۇچى گۇناھلاردۇر. بەزى كىشىلەر بۇ سۈپەتلەرگە سەل قاراپ، ھېچ دىققەت قىلمايدۇ.

ئىككىنچى: شەيتانىي سۈپەتلەر. بۇ سۈپەتلەردىن ھەسەتخورلۇق، زالىملىق، ھىيلە-مىكىر، ئالدامچىلىق، سەمىمىيەتسىزلىك، مۇناپىقلىق ۋە بۇزۇقچىلىققا بۇيرۇش قاتارلىق يامان سۈپەتلەر شاخلىنىپ چىقىدۇ.

ئۈچىنچى: ھايۋانىي سۈپەتلەر. بۇ سۈپەتلەردىن ئاچكۆزلۈك، قارنى تويماسلىق ۋە شەھۋەتپەرەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن زىناخورلۇق، بەچچىۋازلىق، ئوغرىلىق ۋە كۆڭۈل خوشى ئۈچۈنلا ئەرزىمەس نەرسىلەرنى ئېلىش قاتارلىق يامان سۈپەتلەر شاخلىنىپ چىقىدۇ.

تۆتىنچى: يىرتقۇچلارغا خاس سۈپەتلەر. بۇ سۈپەتلەردىن غەزەپلىنىش، ئاداۋەتخورلۇق، ئۇرۇشقاقلىق، باشقىلارغا ئۆلتۈرۈش مەقسىدىدە ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قاتارلىق يامان سۈپەتلەر پەيدا بولىدۇ.

بۇ سۈپەتلەر ئىنسان تەبىئىتىگە تەدرىجىي سىڭىپ كىرىدۇ.

ئىنسان ئەۋۋەلا ھايۋانىي سۈپەتكە يېڭىلىدۇ. ئاندىن ئىككىنچى بولۇپ يىرتقۇچ سۈپەتكە يېڭىلىدۇ. بۇ ئىككى سۈپەت بىر يەرگە جەم بولسا، ئەقىلنى ھىيلە-مىكىر، ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىكتەك شەيتانغا خاس سۈپەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئاندىن كىشى خوجايىنلىققا خاس سۈپەتكە يېڭىلىدۇ.

مانا بۇ سۈپەتلەر گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرىدۇر. گۇناھ-مەئسىيەتلەر بۇ مەنبەلەردىن چىقىپ بەدەن ئەزالىرىدا ئاشكارىلىنىدۇ. بۇ سۈپەتلەردىن قەلبتە كۇفۇر، بىدئەت، نىفاق ۋە يامانلىقنى يوشۇرۇشقا ئوخشاش بەزى سۈپەتلەر پەيدا بولىدۇ. بەزى سۈپەتلەر كۆزدە، بەزىسى تىلدا، بەزىسى قورساق ۋە ئەۋرەتتە، بەزىسى ئىككى قول ۋە ئىككى پۇتتا ۋە بەزىسى بولسا پۈتۈن ۋۇجۇتتا كۆرۈلىدۇ. بۇنى تەپسىلىي بايان قىلىش ھاجەتسىز. چۈنكى، ئۇ يامان سۈپەتلەر ھەممىگە ئاياندۇر.

گۇناھلار «كىشىنىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك گۇناھ ۋە بەندە بىلەن ئاللاھ تائالا ئارىسىدىكى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك گۇناھ» دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. قۇل ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك گۇناھلار بارىدا شەرئىي بۇيرۇق قاتتىقتۇر. بەندە بىلەن ئاللاھ تائالا ئارىسىدىكى گۇناھلاردا بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇچانلىقىدىن ئۈمىد باردۇر.

لېكىن، بۇ گۇناھ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش بولۇپ قالسا، ھەقتائالا مۇشرىك ھالەتتە ئۆلگەن كىشىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرمەيدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى دەپتەرلەر ئۈچتۇر. بىر دەپتەر ئىچىدىكى گۇناھلارغا ئاللاھ تائالا ھېچ پەرۋا قىلمايدۇ. يەنە بىر دەپتەردىن ھېچنەرسىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. يەنە بىر دەپتەردىكى گۇناھلارنى ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدىغان گۇناھ بولسا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. رەب تائالا دەيدۇ: ‹كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) يوقتۇر› «5مائىدە-72». ئاللاھ تائالا ئىچىدىكى ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلمايدىغان دەپتەر بولسا بەندە بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى ئىشلاردا بەندىنىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشىدۇر، ئاللاھ تائالا خاھلىسا، ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىكى ھېچنەرسىنى تاشلىۋەتمەيدىغان دەپتەر بولسا بەندىلەرنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان زۇلمىدۇر. ئۇ زۇلۇمدىن شەكسىز قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ».

يەنە بىر قىسىم بولسا: شۇنى بىلگىنكى، گۇناھلار «كىچىك ۋە چوڭ گۇناھلار» دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. بۇ گۇناھلار ھەققىدە ھەرخىل ئوخشىمىغان قاراشلار بار. چوڭ گۇناھلارنىڭ سانى ھەققىدىكى ھەدىسلەرمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. چوڭ گۇناھلارنى بايان قىلغان سەھىھ ھەدىسلەر بەشتۇر:

بىرىنچى ھەدىس: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساھابەلەرگە: — ھالاكەتكە ئاپىرىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئېغىر گۇناھتىن نېرى تۇرۇڭلار! — دېگەندە، ساھابەلەر: — ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار قايسى گۇناھلار؟ — دەپ سورىغان. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: — ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىر قىلىش، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان ئادەمنى ناھەق ئۆلتۈرۈش، ئۆسۈم يېيىش، يېتىمنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كېتىش، يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك، پاك ۋە مۇئمىنە ئاياللارغا قارا چاپلاش قاتارلىقلاردۇر، — دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئىككىنچى ھەدىس: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: — قايسى گۇناھ ئەڭ ئېغىر؟ — دەپ سورالغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: — ئاللاھ سېنى ياراتقان تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ، — دېدى. — ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ — دەپ سورالغاندا: — قورساق غېمىدىن قورقۇپ بالاڭنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭ، — دېدى. — ئاندىن قالسىچۇ؟ — دېگەندە: — قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ، — دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۈچىنچى ھەدىس: ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش چوڭ گۇناھتۇر» دېگەن.

تۆتىنچى ھەدىس: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن خەۋەر بەرمەيمۇ؟ ئۇ يالغان سۆزلەش (ياكى يالغان گۇۋاھلىق بېرىش)» دېدى.

بەشىنچى ھەدىس: ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بولۇپ، ئۇ ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىدا چوڭ گۇناھلار تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹چوڭ گۇناھلار — ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىشتۇر› دېدى. رەسۇل ئەكرەم بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى، كېيىن ئۆزىنى ئوڭشاپ يۆلەنمەي ئولتۇرۇپ: ‹ئاگاھ بولۇڭلار! يالغان سۆزلەش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش› دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزنى داۋاملىق تەكرارلىدى، ھەتتا بىز: ‹كاشكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توختىسىچۇ!› دەپ قالدۇق».

ئالىملار چوڭ گۇناھلارنىڭ سانى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلارنى بايان قىلغان. چوڭ گۇناھلار ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر چوڭ گۇناھلارنىڭ پەقەت شۇلار ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلمايدۇ. چوڭ گۇناھلارنى ئوچۇق سانى بىلەن بايان قىلماسلىقتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «كىشىلەر داۋاملىق گۇناھ قىلىشتىن قورقۇش ئىچىدە بولسۇن» دېگەننى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ھەدىسلەردىن چوڭ گۇناھلارنىڭ تۈرىنى بىلگەن كىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى ھەم بىلەلەيدۇ.

كىچىك گۇناھلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىنى بىلىپ بولۇش ئىمكانسىز. ئالىملار چوڭ گۇناھلارنىڭ سانى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇنى تۆت دېگەنلىكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بولسا يەتتە دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

ئىزاھاتلار:

  • ئەھمەد (26073)؛ ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 8717) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار («زەئىفۇلجامىئ»، 3022) «زەئىف» دېگەن.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2766)؛ مۇسلىم (89).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4761، 600، 6811 ۋە 7520)؛ مۇسلىم (86).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6870، 6675)؛ مۇسلىم (88).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5977)؛ مۇسلىم (88). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6919)؛ مۇسلىم (87).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۇنى «يەتتىدۇر» دېگىنىنى ئاڭلىسا: «ئۇ يەتتىگە قارىغاندا 70 كە يېقىنراقتۇر» دەيتتى.

ئەبۇ سالىھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «ئۇ قىلغۇچىغا دۇنيادا بەلگىلەنگەن ئېغىر جازا بېرىشنى ۋاجىب قىلىدىغان قىلمىشتۇر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «چوڭ گۇناھلار ‹نىسائ› سۈرىسىنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ: ‹ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز› «4نىسائ-31» دېگەن سۆزىگىچىدۇر» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە باشقا ئالىملار مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن قورقۇتقان ھەرقانداق گۇناھ چوڭ گۇناھتۇر».

ئەبۇ تالىب ئەلمەككىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «چوڭ گۇناھلار 17 بولۇپ، مەن ئۇلارنى ھەدىسلەردىن تولۇق جەملىدىم:

چوڭ گۇناھلاردىن تۆتى قەلبتە بولۇپ، ئۇلار: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، گۇناھ-مەئسىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقماسلىق قاتارلىقلار.

تۆتى تىلدا بولۇپ، ئۇلار: يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، ئىپپەتلىك ئاياللارغا ‹زىناخور› دەپ بوھتان چاپلاش، يالغان قەسەم قىلىش، سېھىر قىلىش قاتارلىقلار.

ئۈچى قورساقتا بولۇپ: ھاراق ئىچىش، يېتىمنىڭ مېلىنى زۇلۇم قىلىپ يەۋېلىش ۋە ئۆسۈم يېيىش قاتارلىقلار.

ئىككىسى ئەۋرەتتە: زىنا قىلىش ۋە بەچچىۋازلىق قىلىش.

ئىككىسى قولدا: ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئوغرىلىق قىلىش.

بىرسى ئىككى پۇتتا: ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش.

بىرى پۈتۈن بەدەندە بولىدۇ: ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش.

بۇ گۇناھلارنى ئارتتۇرۇش ياكى كېمەيتىش مۇمكىندۇر. چۈنكى، يېتىمنى ئۇرۇش ۋە ئۇنى ئازابلاش ئۇنىڭ مېلىنى يېگەنگە قارىغاندا بەكرەك چوڭ گۇناھتۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر».

ئىزاھاتلار:

  • يۇقىرىقى رىۋايەتلەر ئۈچۈن قاراڭ: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 6/641 – 653.

ئاخىرەتتىكى دەرىجىلەرنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارغا قارىتا ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

بۆلۈم: “ئاخىرەتتىكى دەرىجىلەرنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارغا قارىتا ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا”

بىلگىنكى، كىشىلەر دۇنيادا پەرقلىق بولغىنىدەك، ئاخىرەتتىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. كىشىلەر ئاخىرەتتە ھالاك بولغۇچىلار، ئازابلانغۇچىلار، نىجات تاپقۇچىلار ۋە مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىق تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ.

بۇ بەئەينى، بىر پادىشاھ مەلۇم بىر رايوننى ئىگىلەيدۇ ۋە ئۇ رايوندىكى بەزى كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، بەزىسىنى ئۆلتۈرمەي قىينايدۇ، بەزىسىنى قويۇۋېتىدۇ ۋە ئۇلار نىجات تاپىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسىگە بولسا تون كىيدۈرىدۇ، بۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر. پادىشاھ ئادىل پادىشاھ بولسا، ئۇلاردىن مۇناسىپ كىشىگىلا ھەق تەقسىمات قىلىدۇ. پادىشاھ ھەق تەقسىماتتىن شىكايەت قىلغۇچىنى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىسيان قىلغۇچىنى ئۆلتۈرىدۇ. پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزگەن كىشىنى بولسا ئازابلايدۇ. ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە خىزمەتتە قۇسۇر ئۆتكۈزمىگەن كىشىنى قويۇۋېتىدۇ، پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ۋە ياردەم بېرىش بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن كىشىگە تون كىيدۈرىدۇ.

بۇ قىسىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەھۋالىغا قارىتا نېئمەت ۋە ئازابتا پەرقلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىس دەلىلدۇر: «بەزى كىشىلەر پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن چاقماقتەك تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ». «ئۇلاردىن دوزاختا يەتتە مىڭ يىل قالىدىغان كىشىلەر بولىدۇ». كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ۋاقىت بىلەن يەتتە مىڭ يىل ئارىسىدا پەرق بەك چوڭ.

ئازابنىڭ قاتتىق بولۇشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا كەلسەك، قاتتىق ئازابنىڭ چېكى بولمايدۇ. ئەدناسى ئىنچىكە ھېساب ئېلىپ جازالاشتۇر. شۇنىڭدەك ئەمەللەرنى قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزگەن بەزى كىشىلەرنى پادىشاھ ئىنچىكە ھېساب ئېلىش بىلەن ئازابلايدۇ، ئاندىن ئەپۇ قىلىدۇ. بەزىدە ساۋدايدۇ ياكى باشقىچە ئۇسۇللار بىلەن قىينايدۇ.

بەخت-سائادەت ئەھلىنىڭ نېئمەت دەرىجىسىنىڭ بۇ شەكىلدە پەرقلىق بولۇشى قۇرئان، ھەدىس ۋە ئىلىم-مەرىپەت نۇرى بىلەن ئايدىڭلىشىدۇ.

ئىزاھاتلار:

  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7439)؛ مۇسلىم (183). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 11/459): «ھەكىم تىرمىزىي ‹نەۋادىرۇل ئۇسۇل› دېگەن كىتابىدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان» دېگەن.

تەپسىلىي بايان قىلساق: كىمكى ئىمان ئاساسىنى پۇختا قىلسا، بارلىق چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانسا ۋە بارلىق پەرزلەرنى ياخشى ئادا قىلسا، ئاندىن بەزى كىچىك گۇناھلارنى داۋاملىق قىلمىغان ئاساستا قىلىپ سالغان بولسىمۇ، ئۈمىدكى ئەپۇ قىلىنغاي. «قۇرئان كەرىم» چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىشنىڭ كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇنداق ئەمەل قىلغان كىشى ئەمەلى ئوڭ تەرەپتىن– يا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بەندىلەر قاتارىغا، يا نامە .بېرىلگەن كىشىلەرگە قوشۇلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئىمانى ۋە جەزمىيىتىگە كۆرە بولىدۇ ئەگەر ئىمانى ئاجىز ياكى جەزمىيىتى ئاز بولسا، مەرتىۋىسى تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر. جەزمىيىتى كۆپ ۋە ئىمانى كۈچلۈك بولسا، مەرتىۋىسى يۇقىرى بولىدۇ

ئاللاھ تائالاغا يېقىن بەندىلەر ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇشىنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا قاراپ، دەرىجىلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي ، مەرىپەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى- تونۇغۇچىلارنىڭ دەرىجىلىرى ئىلىم مەرىپەت دېڭىزىنىڭ قىرغىقى يوقتۇر. بۇ دېڭىزغا غەۋۋاسلار ئۆزىدىكى- ئىلىم ئەمەلى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەن- قۇۋۋەت مىقدارىدا شۇڭغىيالايدۇ. نامە- كۈچ كىشىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ئاللاھ تائالاغا يېقىن مۇقەررەب بەندىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر. بۇ چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغان ۋە پەرزلەرنى ئادا. قىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالىدۇر، چوڭ گۇناھ قىلغان ياكى ئىسلام ئاساسلىرىغا سەل قارىغان كىشىگە كەلسەك ئەگەر ئۇ ئەجىلى كېلىشتىن بۇرۇن سەمىمىي تەۋبە قىلسا، ئۇ كىشى بىگۇناھ كىشىلەر قاتارىدا بولىدۇ. چۈنكى، «گۇناھتىن تەۋبە قىلغۇچى مىسالى گۇناھسىز . يۇيۇلغان كىيىممۇ ئەسلا كىرلىشىپ باقمىغان كىيىمگە»كىشىگە ئوخشايدۇ .ئوخشايدۇ لېكىن، تەۋبە قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىكتۇر چۈنكى، ئۇنىڭ چوڭ گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ تەۋرەپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى يامان ھالەتتە ئاخىرلاشقان بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئۇ كىشى دەلىلگە ئاساسەن ئەمەس، باشقىلارغا تەقلىد.

ئىزاھاتلار:

  • ،»). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ10128( ،»)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر4250( ئىبنى ماجە .) «ھەسەن» دېگەن3008

قىلىپ ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۇنداق كىشىنىڭ ئىمانى ئازراق شەك ۋە خىيال بىلەنمۇ بۇزۇلۇشى مۇمكىن. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچى ۋە جەزم قىلغۇچىنىڭ دۇنيادىن يامان ئاقىۋەت بىلەن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش بىھاجەتتۇر. تەۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن مېيىتنىڭ ئازابلىنىشى چوڭ گۇناھلارنىڭ قەبىھلىكى ۋە ئۇنى قىلىشتا داۋاملىشىش مۇددىتىگە قاراپ بولىدۇ. ئاندىن تەقلىد قىلغۇچى ئاجىزلار جەننەتكە چۈشىدۇ، ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇپ ھەق يولنى نىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا ئۆرلەيدۇ. بىز بايان قىلغانكۆرگۈچىلەر ئىللىييىن بەندىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى مەرتىۋىلىرى ئاشكارا سەۋەبلەرنىڭ ھۆكمى بولۇپ، بۇ ،ھۆكۈم خۇددى تېۋىپنىڭ بىر بىمار ھەققىدە: «بۇ بىمار شەكسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ كېسىلى ياخشىلانمايدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلغىنىغا، يەنە بىر بىمارغا: «بۇنىڭ كېسىلى يەڭگىل، داۋالاش ئاسان» دەپ ھۆكۈم قىلغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇ كۆپىنچە توغرا چىقىدۇ. بەزىدە تېۋىپ سەزمەستىن ئۆلۈم گىردابىدىكى كېسەل ساقىيىپ قېلىشى، كېسىلى يەڭگىل بىمارمۇ تېۋىپ ئۇقمايلا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى ئاللاھ تائالانىڭ مەخپىي سىرلىرى بارلىقى، ھايات كىشىلەرنىڭ روھلىرىدا سەۋەبلەرنى كەلتۈرگۈچى زات قويغان يوشۇرۇن سەۋەبلەرنىڭ بارلىقى ۋە ئۇ . قۇۋۋەت يوقلۇقىدىندۇر- سەۋەبلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشكە ئىنساندا كۈچ شۇنىڭدەك ئاخىرەتتە خار بولۇش ياكى ئەزىز بولۇشنىڭ ئىنسان ئەقىل قۇۋۋىتى بىلىشكە قادىر بولالمايدىغان يوشۇرۇن سەۋەبلىرى بار. يەنە شۇنىڭدەك ئاسىي - كىشىنىڭ خاتالىقلىرى كۆپ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشى، تائەت ئىبادەتلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ- ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ ئاشكارا تائەت غەزەپ قىلىشى تامامەن مۇمكىندۇر. چۈنكى، بۇ يەردە تەقۋالىققا قارىلىدۇ. تەقۋالىق، قەلبتە بولىدۇ، قەلبنىڭ ھاللىرى بەزىدە شۇ قەلب ئىگىسىگىمۇ يوشۇرۇن بولىدۇ !باشقىلارغا قانداقمۇ يوشۇرۇن بولمىسۇن؟

سائادەت ۋە مۇراتقا- بىز قۇتۇلۇشتىن بەخت— ،قۇتۇلغۇچىلارغا كەلسەك بۇلار بولسا ئاللاھ— يېتىشنى ئەمەس، بەلكى ئامان قېلىشنى كۆزدە تۇتىمىز تائالا ئۈچۈن خىزمەتمۇ قىلمىغان، كەمچىلىكمۇ ئۆتكۈزمىگەن كىشىلەردۇر. بۇ بولسا ساراڭلار، سەبىيلىكتە ئۆلۈپ كەتكەن كافىر بالىلىرى ۋە دەۋەت يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلارغا دەۋەت يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلاردا مەئسىيەت- ئاللاھ تائالانى تونۇش، ئىنكار قىلىش، ئىتائەت قىلىش ۋە گۇناھ قىلىش مەۋجۇد بولمايدۇ. بۇلار «ئەئراف»ئىزاھلانسا دېگەن ئورۇندا بولۇشقا. لايىقتۇر. جەننەتتىكى ئۈستۈن مەرتىۋىلەر

مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغۇچىلاردۇر. ئۇلار بولسا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن ۋە ياخشى ئىشلارغا ئەڭ ئالدىرايدىغان كىشىلەردۇر: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» «32سەجدە-17».

ئۇلار جەننەتكە ھېرىس ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ئۇچرىشىش ۋە .ئاللاھقا قاراشقا ھېرىسمەندۇر، ئۇلار خۇددى ئاشىقلارغا ئوخشايدۇ. ئاشىق ئاشىقلىق ھالىتىدە ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ بەدىنىگە تەگكەن نەرسىنى سەزمەيدۇ ۋە سۆيگىنىدىن باشقا غېمى بولمايدۇ. بۇلار بولسا ئىنسان كۆڭلىگە كەچمىگەن سۆيۈندۈرگۈچى نېئمەتلەرگە ئېرىشىدىغان. كىشىلەردۇر

ياخشىلىقلارغا بىنائەن ئايرىلىدىغان دەرىجىلەر ھەققىدە مۇشۇنچلىك سۆزلىسەك. كۇپايە

كىچىك گۇناھلارنى چوڭ گۇناھلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان ئىشلار ھەققىدە

بۆلۈم: “كىچىك گۇناھلارنى چوڭ گۇناھلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان ئىشلار ھەققىدە”

بىلگىنكى، كىچىك گۇناھلار بىرنەچچە سەۋەب بىلەن چوڭ گۇناھقا ئايلىنىدۇ:

شۇ سەۋەبلەردىن بىرى: گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە داۋاملىق گۇناھ قىلىشتۇر.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «داۋاملاشتۇرۇش بىلەن كىچىك گۇناھ قالماس، ئىستىغپار بىلەن چوڭ گۇناھ قالماس».

بىلگىنكى، قىلىشتىن توختىغان ۋە داۋاملىق قىلىنمىغان چوڭ گۇناھنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى، بىر بەندە داۋاملىق قىلىدىغان كىچىك گۇناھنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىدىن ئۈمىدلىكرەكتۇر. بۇ، خۇددى تاشقا تامغان ئۈزۈلمەس سۇ تامچىلىرىغا ئوخشايدۇ. تاشقا ئارقىمۇئارقا چۈشكەن سۇ تامچىلىرى تاشقا تەسىر قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، سۇ تامچىلىرى يىغىلىپ، بىر قېتىمدىلا تاش ئۈستىگە تۆكۈلسە تاشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. خۇسۇسەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ: «ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈكى ئاز بولسىمۇ ئۈزۈلمەي داۋام قىلغىنىدۇر» دېگەن.

سەۋەبلەردىن يەنە بىرى: گۇناھنى كىچىك ساناشتۇر.

بىر بەندە گۇناھنى چوڭ گۇناھ ھېسابلىسا، ئۇ گۇناھ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا كىچىك بولىدۇ. گۇناھنى كىچىك كۆرسە، ئۇ گۇناھ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا چوڭ گۇناھ بولىدۇ. گۇناھنى چوڭ ھېسابلىغاندا، قەلب گۇناھ قىلىشتىن نەپرەتلىنىدۇ ۋە گۇناھ قىلىشنى ئۆچ كۆرىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «شەكسىزكى، مۇئمىن ئۆز گۇناھلىرىنى خۇددى ئۆزى تاغ ئاستىدا تۇرۇپ، ئۇ تاغنىڭ ئۈستىگە غۇلاپ چۈشۈش خەۋپىدەك قورقۇنچلۇق كۆرىدۇ. گۇناھكار بولسا ئۆز گۇناھلىرىنى گويا بۇرنىغا قونغان چىۋىنچىلىك كۆرىدۇ» دېگەن ۋە بۇرنىغا ئىشارەت قىلغان.

مۇئمىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلگەچكە، گۇناھ قىلىش مۇئمىننىڭ قەلبىدە ناھايىتى چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. مۇئمىن ئۆزى ئاسىيلىق قىلغان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىسا، كىچىك گۇناھنىمۇ چوڭ گۇناھتەك كۆرىدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەقىقەتەن شۇنداق (يامان) ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەركى، ئۇ ئىشلار سىلەرنىڭ نەزەرىڭلاردا قىلدىنمۇ ئىنچىكىدۇر. ھالبۇكى، بىز ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ھالاكەتكە ئاپىرىدىغان ئېغىر گۇناھلار قاتارىدىن سانايتتۇق».

بىلال ئىبنى سەئىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «خاتالىقنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن، بەلكى سەن ئاسىيلىق قىلغان زاتنىڭ بۈيۈكلۈكىگە قارىغىن».

سەۋەبلەردىن يەنە بىرى: قىلغان كىچىك گۇناھ بىلەن سۆيۈنۈش ۋە ئۆزىنى داڭلاشتۇر. خۇددى «مېنىڭ پالانىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى قانداق يەكسان قىلغىنىمنى، ئۇنى خىجىل قىلىپ، يامانلىقلىرىنى قانداق يۈزىگە سالغىنىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ياكى بىر سودىگەرنىڭ: «ساختا مالنى پالانىغا قانداق ئۆتكۈزگىنىمنى، ئۇنى قانداق ئالدىغىنىمنى، ئۇنى قانداق قويۇۋەتكىنىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟» دېگىنىگە ئوخشاش. بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئارقىلىق كىچىك گۇناھلار چوڭ گۇناھلارغا ئايلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھىنى ئاشكارىلىمىغانلىقى، گۇناھ قىلغۇچىنى تېز جازالىمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا مۆھلەت بەرگەنلىكى سەۋەبلىك گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىشقا سەل قارىشىمۇ كىچىك گۇناھلارنى چوڭ گۇناھلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. ھالبۇكى، گۇناھ قىلغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى تېز جازالىماي مۆھلەت بېرىشىنى ئۇنى يامان كۆرگەنلىكتىن ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ زىيادە گۇناھ قىلىۋېلىشى ئۈچۈن بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

گۇناھ-مەئسىيەتنى قىلىپ، ئۇنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ يۈرۈشمۇ كىچىك گۇناھلارنى چوڭ گۇناھلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئاشكارا قىلغۇچىلاردىن باشقا بارلىق ئۈممىتىم سالامەت قىلىنغۇچىلاردۇر. گۇناھنى ئاشكارا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن: بىر ئادەم كېچىسى بىر گۇناھنى قىلىپ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى يۆگىگەن تۇرۇقلۇق تاڭ ئاتقۇزۇپ: ‹ئى پالانى! مەن كېچىچە مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم› دېيىشىدۇر. ۋەھالەنكى ئۇ كېچىچە ئۇنى پەرۋەردىگارى يۆگىگەن ھالدا ياتقان، شۇنداق تۇرۇقلۇق تاڭ ئاتقۇزۇپ ئۆزىدىن ئاللاھنىڭ پەردىسىنى ئېچىۋېتىدۇ».

يەنە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ باشقىلار ئەگىشىدىغان ئالىم بولۇشىمۇ كىچىك گۇناھنى چوڭ گۇناھقا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق كىشى ئاشكارا گۇناھ-مەئسىيەت قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھى چوڭ بولىدۇ. ئالىم يىپەك كىيىم كىيىش، زالىملار بىلەن ئۈلپەتداشلىق، باشقىلارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى تۆكۈش ۋە مۇنازىرە ئىلمى كەبى پەقەت يۈز-ئابرۇي تېپىش مەقسەت قىلىنىدىغان ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوخشاش گۇناھلارنى قىلسا، باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ گۇناھلار دۇنياغا تارقىلىدۇ ۋە ئومۇملىشىدۇ. ئۆلسە گۇناھلىرىمۇ بىرگە ئۆلىدىغان كىشىگە ياخشىلىق بولسۇن!

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئىسلامدا يامان بىر يولنى يولغا قويسا، ئۇنىڭغا شۇ يامان يولنى يولغا قويغانلىقىنىڭ گۇناھى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ يامان يول بىلەن ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېچنەرسە كېمەيمەيدۇ» دېگەن.

شۇڭا ئالىمنىڭ ئىككى ۋەزىپىسى باردۇر: بىرىنچىسى: گۇناھ قىلىشنى تاشلاش. ئىككىنچىسى: گۇناھ قىلىپ قالسا يوشۇرۇش.

ئالىملارنىڭ گۇناھلىرىغا باشقىلار ئەگەشسە، ئۇلارغا ھەسسىلەپ گۇناھ بولغاندەك، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرىغىمۇ باشقىلار ئەگەشسە، ئۇلارغا ھەسسىلەپ ساۋاب بولىدۇ.

ئالىم ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە خىراجىتىدە ئوتتۇراھال بولۇشى كېرەك. خىراجەتنى ئاز قىلىشقا بەكرەك مايىل بولسۇن. چۈنكى، كىشىلەر ئۇنىڭغا قارايدۇ. ئالىم باشقىلار ئەگىشىپ قالىدىغان گۇناھ ئىشلارنى قىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى، ئالىم سۇلتانلارغا ئۈلپەتداشلىق ۋە بايلىق توپلاشنى ئۆزىگە رۇخسەت دەپ قارىسا، باشقىلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گۇناھى ئالىمغا بولىدۇ. بەزىدە ئالىم گۇناھتىن سالامەت قالىدۇ، ئەمما ئەگەشكەنلەر ئالىمنىڭ گۇناھتىن قانداق سالامەت قالغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.

شۇنداق رىۋايەت ئاڭلىدۇقكى: «كىشىلەرنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلايدىغان بىر پادىشاھ بار ئىكەن. پادىشاھ بىر ئالىمنى چاقىرتىپتۇ، ئالىم كەلگەندە ئوردا قوۋۇقچىسى: ‹سىز ئۈچۈن بىر ئۆچكە بوغۇزلىدىم، ئۇنىڭدىن يېگەيسىز› دەپتۇ. ئاندىن ئالىم ئوردىغا كىرگەندە، ئۇنىڭغا گۆش ئېلىپ كېلىنىپتۇ، لېكىن ئالىم ئۇ گۆشنى يېمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ. قوۋۇقچى ئالىمغا: — مەن ساڭا ئۇ ئۆچكە گۆشى دېمىدىممۇ؟! — دەپتۇ. ئالىم: — ماڭا ئەگىشىدىغانلار بۇنى قەيەردىن بىلسۇن؟ — دېگەنىكەن».

تەۋبە قىلىشنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “تەۋبە قىلىشنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا”

بىلگىنكى، تەۋبە قىلىش ھەقىقىي پۇشايمان قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. كىشى شۇ پۇشايمان ئارقىلىق گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ مەھبۇبى ئارىسىدا توسۇق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

پۇشايمان قىلىش بولسا قەلبنىڭ ئۆز مەھبۇبىدىن ئايرىلغانلىقىنى سەزگەن چاغدىكى ئەلەم تارتىشىدۇر. پۇشايمان قىلغانلىقنىڭ ئالامىتى ئۇزۇن مۇددەت قايغۇرۇش ۋە يىغلاشتۇر. چۈنكى، بالىسى ياكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىر كىشىگە كەلگەن بىر ئازابنى سەزگەن كىشى ئۇزۇن مۇددەت يىغلايدۇ ۋە ئۇنىڭ مۇسىبىتى قاتتىق بولىدۇ. كىشىنىڭ ئۆز نەپسىدىنمۇ قىممەتلىك بىر نەرسىسى بولامدۇ؟ دوزاخ ئوتىدىنمۇ قاتتىق ئازاب بارمۇ؟ ئازابنىڭ چۈشۈشىگە گۇناھ-مەئسىيەتلەردىنمۇ ئۆتە بىر سەۋەب بولامدۇ؟ ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسىدىنمۇ بەك راستچىل خەۋەر قىلغۇچى بارمۇ؟ ئەگەر تېۋىپ بىراۋغا بالىسىنىڭ كېسەلدىن ساقايمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلسا، ئۇ شۇ ھامان قاتتىق قايغۇرىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ بالىسى ئۇنىڭ نەپسىدىنمۇ قىممەتلىك ئەمەس! تېۋىپ ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدىنمۇ بەك بىلگۈچى ئەمەس. ئۆلۈم دوزاخ ئوتىدىن قاتتىق ئەمەس. گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ۋە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولۇشقا كېسەلنىڭ ئۆلۈمگە دەلىل بولغىنىدىن بەكرەك دەلىلدۇر.

تەۋبە قىلغۇچى بوينىدىكى ئوقۇماي قالغان نامازلىرىنى ياكى شەرتكە لايىق ئوقۇمىغان نامازلىرىنى، مەسىلەن نىجاسەت بار كىيىمدە ياكى بىلىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن توغرا بولمىغان نىيەت بىلەن ئوقۇپ قالغان نامازلىرىنى ئېسىگە ئېلىشى ۋە ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك. شۇنىڭدەك ئەگەر كىشىنىڭ بوينىدا ئادا قىلمىغان روزا، زاكات، ھەج ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ۋاجىب ئەمەللەر بولسا، ئۇنىڭ ھەممىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى، ئۇنى ئېسىگە ئېلىپ تەكشۈرۈپ تولۇقلىۋېلىشى كېرەك.

گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە كەلسەك، تەۋبە قىلغۇچى بالاغەتكە يەتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزىدىن سادىر بولغان بارلىق گۇناھلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى لازىم. بۇ گۇناھلاردىن ئۆزى بىلەن ئاللاھ تائالا ئارىسىدىكى گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش پۇشايمان قىلىش ۋە ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش بىلەن بولىدۇ. ئاندىن گۇناھلىرىنىڭ مىقدارىغا قارىشى، ئاندىن ھەربىر گۇناھقا مۇناسىپ كېلىدىغان ياخشىلىقنى ئىزدىشى ۋە يامانلىقلار مىقدارىچە ياخشىلىقلارنى قىلىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالا: «شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەتتۇر» «11ھۇد-114» دېگەن.

رەسۇلۇللاھ: «بىرەر يامانلىق قىلىپ قالساڭ، ئارقىدىن بىر ياخشىلىق قىلغىنكى، ئۇنى ئۆچۈرۈۋەتكەي» دېگەن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ تېمىغا مىسال: ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلىغانلىق گۇناھىنى قۇرئان ئاڭلاش ۋە زىكىر ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇش؛ قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇش گۇناھىنى قۇرئاننى ئەزىزلەش ۋە كۆپ ئوقۇش، ئەگەر مۇمكىن بولسا قۇرئاننى ئۆزى كۆچۈرۈپ ئوقۇيالىسا شۇنداق قىلىش؛ ھاراق ئىچىش گۇناھىنى ھالال ئىچىملىكنى سەدىقە قىلىش يوققا چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن ھەربىر يامان ئەمەل ئەۋەزىگە مۇناسىپ ياخشى ئەمەل قىلىش يولىدا ماڭغىن. چۈنكى، كېسەللەر ئۇنىڭغا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىنىدۇ. مانا بۇ بەندە بىلەن ئاللاھ تائالا ئارىسىدىكى گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىش يولىدۇر.

بەندىلەرگە قىلىنغان زۇلۇملاردىن تەۋبە قىلىشقا كەلسەك، بەندىگە قىلىنغان زۇلۇممۇ ھەم ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان ئىسياندۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە زۇلۇم قىلىشتىن توستى. دېمەك، زالىم كىشى ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشنى قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، زالىم قىلغان زۇلمىغا پۇشايمان قىلىشى ۋە كېلەچەكتە ئۇ زۇلۇمنى قايتا قىلماسلىققا بەل باغلىشى، يۇقىرىدا سۆزلەنگەندەك شۇ زۇلۇملارنىڭ ئەكسىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن تەۋبە قىلىشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ قىلغان ئەزىيىتىنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن قايتۇرۇشى، باشقىلارنىڭ مېلىنى بۇلىۋالغان بولسا، ئۆزىنىڭ ھالال مېلىدىن سەدىقە قىلىش بىلەن كەففارەت تۆلىشى، بىراۋنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى تۆككەن بولسا، دىندار كىشىلەرنى ماختاش بىلەن قىلغان گۇناھىنى يۇيۇشى ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، قۇل ئازاد قىلىش بىلەن قىلىنغان گۇناھقا كەففارەت بېرىشى لازىم.

بۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىكى تەۋبە قىلىش يولىدۇر. تەۋبە قىلغۇچى كىشى بەندىلەرگە قىلغان زۇلمىدىن يانمىغۇچە ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ. كىشىگە قىلىنغان زۇلۇم يا جانغا، يا مالغا، يا يۈز-ئابرۇيغا ۋەياكى قەلبلەرگە بەرگەن ئەزىيەتلەرگە قارىتا بولىدۇ:

بۇلارنىڭ بىرىنچىسى: ئەگەر كىشى خاتالىشىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ دىيىتىنى دىيەت تۆلەنگۈچىگە ئۆزى ياكى يېقىنلىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىش شەرتلىرى بويىچە قىساس ئېلىنىشى ۋاجىب بولىدۇ. قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى ئۆلگۈچىنىڭ ئىگىلىرىگە ئۆزىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئۆلگۈچىنىڭ ئىگىلىرى خاھلىسا ئۇنىڭدىن قىساس ئالسا، خاھلىسا ئۇنى ئەپۇ قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنى يوشۇرۇشى دۇرۇس بولمايدۇ.

ئەگەر زىنا قىلسا ياكى ئوغرىلىق قىلسا، ياكى ھاراق ئىچسە ۋەياكى ئاللاھ تائالا تەرەپتىن ھەد جازاسى ۋاجىب بولىدىغان ئىشنى قىلسا، بۇ ئىشلاردىن تەۋبە قىلىشتا ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ رەسۋا قىلىش ھاجەتسىز. بەلكى بۇ گۇناھلاردىن بىرەرسىنى قىلغان كىشى ئۆزىنى يوشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ ئىش ۋالىيغا يەتكۈزۈلۈپ، ۋالىي ئۇنىڭغا ھەد ئىجرا قىلسا، بۇ ئىش دەل جايىدا قىلىنغان ئىش بولىدۇ. مائىز ۋە غامىد قەبىلىسىلىك ئايالنىڭ ۋەقەلىكلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ بۇ گۇناھقا قىلغان تەۋبىسى ئاللاھ نەزەرىدە توغرا ۋە قوبۇل بولغان تەۋبە بولىدۇ. ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلاشنىڭ ھەد جازاسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ھەق ئىگىسىدىن رازىلىق ئېلىش لازىم بولىدۇ.

ئىككىنچىسى: بۇلاڭچىلىق، خىيانەتچىلىك ۋە مۇئامىلىدە ئالدامچىلىق كەبى مال-مۈلكلەرگە ئالاقىدار زۇلۇملار. بۇ خىل زۇلۇمدا ماللارنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇش ۋە مال ئىگىلىرىنى رازى قىلىش ۋاجىبتۇر. زالىم زۇلۇم قىلىپ قالغان كىشىلەرگە خەت يازسۇن، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلسۇن، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئالسۇن. ئەگەر قىلىنغان زۇلۇم باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ بولسا، رازى قىلىشقا قادىر بولالىغىنىنى رازى قىلسۇن. بۇ ھالدا كىشىگە ياخشى ئىشلارنى مۇمكىنقەدەر كۆپ قىلىشتىن باشقا يول قالمايدۇ. ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنغاندا، زۇلۇم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ مىزانلىرىغا قويۇلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرى يەتمىسە، مەزلۇملارنىڭ يامانلىقلىرىدىن ئېلىنىپ زالىمنىڭ يامانلىقلىرى ئۈستىگە قويۇلىدۇ. مانا بۇ زالىمنىڭ ئىلكىدىكى زۇلۇم بىلەن ئېلىۋېلىنغان مۇقىم مال ۋە نەق ماللار ھەققىدىكى ھۆكۈمدۇر.

ئەگەر زالىمنىڭ قېشىدا ئىگىسى ياكى ۋارىسلىرى نائېنىق، زۇلۇم بىلەن ئېلىۋېلىنغان ماللار بولسا، ئۇ ماللارنى ئىگىسى نامىدىن سەدىقە قىلسۇن. ئەگەر ھالال مال بىلەن ھارام مال ئارىلىشىپ قالغان بولسا، ھارام مالنىڭ مىقدارىنى ئىجتىھاد بىلەن ئايرىپ، ئۇنى سەدىقە قىلسۇن.

ئۈچىنچىسى: بىراۋلارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى تۆكۈش ۋە قەلبلەرگە ئەزىيەت بېرىش. بۇنداق كىشى يۈز-ئابرۇيىنى تۆككەن ۋە قەلبىگە ئەزىيەت بەرگەن ھەربىر كىشىدىن رازىلىق ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى بىلدۈرۈشى لازىم. چۈنكى، ئوچۇق بولمىغان رازىلىق ئېلىش كۇپايە قىلمايدۇ. بەزىدە يۈز-ئابرۇيى تۆكۈلگۈچى يۈز-ئابرۇيىنى تۆككۈچىنىڭ گېپىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭ كۆڭلى رازى بولغىلى ئۇنىماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، ئۇ قىلمىش تىلغا ئېلىنسا، مەسىلەن بىراۋنىڭ بىر يوشۇرۇن ئەيىبىنى ئېچىش ياكى ئۇنىڭ چۆرىسى بىلەن زىنا قىلغانغا ئوخشاش ئىشلار بولۇپ ئۇنى ئوچۇق دېسە ئەزىيەت تېخىمۇ كۆپىيىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا يۇمشاق بولسۇن ۋە ياخشىلىق قىلىشقا كۈچىسۇن، ئاندىن ئوچۇق بولمىغان ھالەتتە ئۇنىڭدىن رازىلىق تەلەپ قىلسۇن. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا يەنە قىيامەت كۈنى ياخشىلىقلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن ئادا قىلىنىدىغان زۇلۇم بار. يۈز-ئابرۇيى تۆكۈلگەنلەر ۋە قەلبىگە ئەزىيەت بېرىلگەنلەر ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇلارنى رازى قىلىش قولدىن كەتكەن بولىدۇ. بۇ ھالدا قىيامەت كۈنى بەدەل سۈپىتىدە ئېلىنىشى ئۈچۈن پەقەت ياخشىلىقلارنى كۆپ قىلىش لازىم. قىيامەت كۈنى ياخشىلىقلار يامانلىقلاردىن كۆپ بولغاندىلا، ئازابتىن خالاس بولغىلى بولىدۇ.

پەسىل: كېلەچەكتە گۇناھنى قايتا قىلماسلىققا چىڭ بەل باغلاش ھەققىدە

بۆلۈم: “پەسىل: كېلەچەكتە گۇناھنى قايتا قىلماسلىققا چىڭ بەل باغلاش ھەققىدە”

توغرا بولغان تەۋبە قىلىشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى، كېلەچەكتە شۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان گۇناھلارنى قىلماسلىققا چىڭ بەل باغلاشتۇر.

مىسال: كېسىلىگە مېۋە-چېۋىنىڭ زىيان قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بىمار شۇ كېسەل ھالىتىدە، ھېچقانداق مېۋە-چېۋىنى يېمەسلىككە بەل باغلايدۇ. گەرچە بىمار ساقايغاندىن كېيىن يەپ سېلىش ئېھتىمالى بولسىمۇ، لېكىن شۇ كېسەللىك ھالىتىدە ناھايىتى چىڭ بەل باغلايدۇ. لېكىن، تەۋبە قىلغۇچى تەۋبە قىلغان ھالىتىدە مەزكۇر تەۋبە قىلىنغان گۇناھنى كېلەچەكتىمۇ قىلماسلىققا كۈچلۈك بەل باغلىمىسا، ئۇ تەۋبە قىلغان كىشى ھېسابلانمايدۇ.

تەۋبە قىلغۇچىنىڭ تۇنجى تەۋبە قىلىشىدا گۇناھلارنى قايتا قىلماسلىققا چىڭ بەل باغلىشى پەقەت تەنھا قېلىش، سۈكۈت قىلىش، ئاز يەپ-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكلەردە ئاز ئۇخلاش، ھالال ئوزۇققا ئېرىشىش ۋە يېمەك-ئىچمەكتە كۆڭلى تارتقان شۈبھىلىك نەرسىلەرنى تاشلاش ئارقىلىق مۇكەممەل بولۇشى مۇمكىن.

بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: «كىمكى شەھۋەتنى تەرك ئېتىشتە راستچىل بولۇپ، نەپسىگە قارشى يەتتە قېتىم جىھاد قىلسا، شۇ شەھۋەت بىلەن قايتا سىنالمايدۇ». يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر گۇناھتىن تەۋبە قىلسا ۋە شۇ گۇناھنى قىلماي يەتتە يىل توغرا يولدا ماڭسا، ئۇ گۇناھنى ئىككىنچى قېتىم قىلىشقا ھەرگىز قايتمايدۇ».

بەندىلەرنىڭ ئۆز تەۋبىسىدە داۋاملىشىش دەرىجىلىرى

بۆلۈم: “بەندىلەرنىڭ ئۆز تەۋبىسىدە داۋاملىشىش دەرىجىلىرى”

كىشىلەر تەۋبە قىلىشتا تۆت دەرىجىگە بۆلىنىدۇ:

بىرىنچى دەرىجە: قىلغان تەۋبىسىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە رۇس ماڭىدىغان، سەل قاراپ كەتكۈزۈپ قويغانلىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە قايتا گۇناھ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكمىگەن تەۋبە قىلغۇچى بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە ئىنسان ساقلىنالمايدىغان سەھۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ بولسا قىلغان تەۋبىسىدە ئىستىقامەت يولىدا مېڭىش بولۇپ، بۇنداق تەۋبە قىلغۇچىلار ياخشى ئىشلارغا بەك ئالدىرىغۇچىلاردۇر. بۇ تەۋبە «سەمىمىي تەۋبە قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق تەۋبە قىلغان نەپس «ئارام تاپقۇچى نەپس» (نەفسى مۇتمەئىننە) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق تەۋبە قىلىدىغانلار بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. ئۇلاردىن بەزىلىرى باركى، ئىلىم-مەرىپەتنىڭ بويسۇندۇرۇشى ئاستىدا شەھۋىتى بېسىقىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇلاردىكى شەھۋەتنىڭ تارتىش كۈچى ئاجىزلايدۇ. يەنە بەزىلىرى باركى، نەپسى گۇناھقا تارتسا، نەپسىگە قارشى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جىھاد قىلىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجە: ئاساسلىق تائەت-ئىبادەتلەرنى قويمايدىغان ۋە چوڭ، قەبىھ گۇناھلارنى تەرك ئېتىدىغان، گۇناھ قىلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان، لېكىن كىچىك گۇناھلاردىن ساقلىنالمايدىغان تەۋبە قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار خىلمۇخىل ھالدا گۇناھلار بىلەن سىنىلىدۇ، لېكىن ئۇلار گۇناھ قىلىشنى خاھلىمايدۇ. مۇبادا ئۇلار بىرەر گۇناھنى قىلىپ سالسا ئۆزلىرىنى مالامەت قىلىدۇ، قىلىپ سالغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، شۇ گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا بەل باغلايدۇ. بۇنداق تەۋبە قىلغان نەپس «بەك مالامەت قىلغۇچى نەپس» (نەفسى لەۋۋامە) تۇر. چۈنكى، ئۇ نەپس ئەيىبلىك ئىشلارنى كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز ئىگىسىگە مالامەت قىلىدۇ. بۇنداق تەۋبە قىلىش بىرىنچى دەرىجىدىن تۆۋەنرەك بولسىمۇ، يەنىلا ئالىي مەرتىۋىدۇر. بۇ ھەم كۆپىنچە تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدۇر. چۈنكى يامانلىق ئادەمنىڭ لېيى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئىنسان يامانلىقتىن ساقلىنالمايدۇ. ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ چېكى بولسا ئۇنىڭ ياخشىلىقىنىڭ يامانلىقىدىن غالىب كېلىشى، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ياخشىلىقى مىزاندا ئېغىر كېلىپ، ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ كېتىشتۇر. ئەمما، ئىنساننىڭ يامانلىقتىن خالىي بولۇشى يىراق ئىشتۇر.

بۇ تۈرلۈك تەۋبە قىلغۇچىلارغا ئاللاھ تائالا تەرەپتىن ئەڭ گۈزەل بىر ۋەدە باردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ، كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر» «53نەجم-32».

بۇ مەرتىۋىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىنىلىدىغان ۋە تەۋبە قىلىدىغان مۇئمىننى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن سۆزى ھەم ئىشارەتتۇر.

ئۈچىنچى دەرىجە: كىشى تەۋبە قىلىپ، بىر مۇددەت ئىستىقامەت يولىدا ماڭىدۇ، ئاندىن كىشىنى بەزى گۇناھلارنىڭ شەھۋىتى باسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەھۋەتنى بويسۇندۇرۇشتىن ئاجىز كېلىپ، ئۇ گۇناھنى قىلىپ سالىدۇ، بىراق يەنىلا تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىشقا داۋاملىشىدۇ. قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان ۋە كۆڭلى تارتىدىغان گۇناھلاردىن قول يۇيىدۇ. ئۇنى بىر ياكى ئىككى شەھۋەت بويسۇندۇرۇۋالسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا شۇ شەھۋەتنى يوقىتىشقا كۈچ-قۇۋۋەت بېرىشىنى ۋە شۇ شەھۋەتنى ئۆزىدىن توختىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىر گۇناھنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، گۇناھ قىلىپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلىدۇ ۋە شۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلىشقا نەپسىگە ۋەدە قىلىدۇ. بۇ دەرىجىدە تەۋبە قىلىدىغان نەپس «سورلاغۇچى نەپس» (نەفسى مۇسەۋۋىلە) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق تەۋبە قىلىدىغان كىشى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇ سۆزىدە تىلغا ئالغان كىشىلەردۇر: «يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى (يەنى باشقىلارغا ئوخشاش جىھادقا چىقمىغانلىقىغا يالغان ئۆزرە ئېيتمىدى). ئۇلار ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» «9تەۋبە-102».

بۇنداق كىشى تائەت-ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ۋە قىلىپ قويغان گۇناھىنى يامان كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك، تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. لېكىن، بۇنداق كىشى تەۋبىنى كېچىكتۈرگەنلىكى، كەينىگە سۆرىگەنلىكى بائىس خەتەرگە دۇچار بولغۇچىدۇر. بەزىدە تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى قەبزى روھ قىلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى، «ئەمەللەر تۈگەنچە ھالىغا باغلىقتۇر». بۇنىڭغا بىنائەن، قورقۇش تۈگەنچە ھال جۈملىسىدىن بولىدۇ. ھەرقانداق نەپسكە ئۆلۈم يېتىشى ئېنىق، شۇڭا ئۆلۈم ئالدىدىكى ئەمەل پۈتۈن ئەمەللەرنىڭ تۈگەنچىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغان ئىكەن، نەپسىلەرنى كۆزىتىپ تۇرۇش ۋە ئېھتىيات قىلغان نەرسىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قورقۇش كېرەك.

تۆتىنچى دەرىجە: تەۋبە قىلىپ، ئىستىقامەت يولىدا بىر مۇددەت مېڭىش، ئاندىن تەۋبەنى تاشلاپ گۇناھ قىلىشقا باش چۆكۈرۈش، لېكىن قىلىپ قويغان گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە ئەپسۇسلانماسلىقتۇر. بۇ خىل تەۋبە قىلغۇچى «گۇناھ قىلىشقا داۋاملاشقۇچىلار» قاتارىدىن بولۇپ، بۇنداق تەۋبە قىلغۇچى نەپس «يامانلىقلارغا بەك بۇيرۇغۇچى نەپس» (نەفسى ئەممارە) تۇر. بۇنداق نەپس ئۈچۈن ئەمەللىرىنىڭ يامان ھالەتتە ئاخىرلىشىشىدىن قورقۇلىدۇ. ئەگەر بۇ كىشى تەۋھىد ئۈستىدە ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بىر مەزگىلدىن كېيىن بولسىمۇ دوزاختىن قۇتۇلۇش ئۈمىدى بار. بىلگىلى بولمايدىغان يوشۇرۇن بىر سەۋەب بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئەپۇ قىلىنىشىمۇ يىراق ئەمەس. لېكىن بۇنىڭغا تايىنىۋېلىشمۇ ناتوغرىدۇر. چۈنكى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كەرىمدۇر، ئۇنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى كەڭدۇر، مېنىڭ قىلغان گۇناھ-مەئسىيىتىم ئاللاھ تائالاغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ» دېگەن كىشىنى كۆرىسەنكى، دۇنيالىق ئۈچۈن تىجارەت قىلىپ، دېڭىزدا سەپەر قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا: «ھەق بولغۇچى ئاللاھ تائالا سېخىي بولغان ئىكەن، سەن ئۆيۈڭدە ئولتۇرغىن، ئاللاھ تائالا ساڭا رىزىق بېرىدۇ» دېيىلسە، ئۇ بۇنداق دېگۈچىنى جاھىل ھېسابلايدۇ ۋە: «رىزىقلارغا كەسىپ-تىجارەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ» دەيدۇ. ئۇنىڭغا: «ئۇنداقتا، نىجاتلىقمۇ تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ!» دېيىلىدۇ.

تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ئالدىرىشى كېرەك بولغان ئىشلارنىڭ بايانى

بۆلۈم: “تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ئالدىرىشى كېرەك بولغان ئىشلارنىڭ بايانى”

يۇقىرىدا تەۋبە قىلغۇچىنىڭ قىلغان يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىشى ۋە ئۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قارشى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق.

يامان ئەمەللەرنى يوققا چىقىرىدىغان ياخشى ئەمەللەر، يامان ئەمەللەر مىقدارىچە قەلب، تىل ۋە بەدەن ئەزالار بىلەن قىلىنىدۇ:

  • قەلب بىلەن قىلىنىدىغان ئەمەللەر: ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇش ۋە ئۆزىنى خار تۇتۇشقا ئوخشاشتۇر.
  • تىل بىلەن قىلىنىدىغان ئەمەللەر: ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن: «رەببىم! مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، ماڭا مەغپىرەت قىلغىن» دېگەندەك.
  • بەدەن ئەزالار بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر: تائەت-ئىبادەتلەر، سەدىقىلەر ۋە باشقا تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى قىلىش بىلەن بولىدۇ.

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم بىر گۇناھنى قىلىپ سېلىپ، مۇكەممەل تاھارەت ئالسا، ئاندىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىسە، ئۇنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».

پەسىل: تەۋبە قىلىش دورىسى ۋە داۋاملىق گۇناھ قىلىشنى داۋالاش يولى

بۆلۈم: “پەسىل: تەۋبە قىلىش دورىسى ۋە داۋاملىق گۇناھ قىلىشنى داۋالاش يولى”

شۇنى بىلگىنكى، ئاغرىقنى بىلمىگەن ئادەم دورىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى دورىنىڭ ئاغرىققا قارشى تۇرۇشتىن باشقا تەسىرى بولمايدۇ. بىر نەرسە پەقەت ئۇنىڭغا قارشى يەنە بىر نەرسە بىلەنلا يوققا چىقىرىلىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتتىن قول ئۈزمەسلىكنىڭ سەۋەبى بولسا غەپلەت ۋە شەھۋەتتىن ئىبارەتتۇر. غەپلەتكە ئىلىم بىلەن، شەھۋەتكە بولسا شەھۋەتنى قوزغىغۇچى ئامىللارنى ئۈزۈپ تاشلاش بىلەن تاقابىل تۇرۇلىدۇ.

غەپلەت خاتالىقلارنىڭ بېشىدۇر. شۇڭا، تەۋبە قىلىشقا ئىلىم تاتلىقلىقى ۋە سەبرنىڭ ئاچچىقلىقى بىلەن يۇغۇرۇلغان دورىدىن ئۆزگە ھېچقانداق دورا كار قىلمايدۇ. خۇددى ئىسكەنجىۋىلدىمۇ تاتلىق شېكەر ۋە قاڭسىق سىركە جەملىنىپ، ئىككىسىنىڭ يىغىندىسى بىلەن سەپرا تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىلغىنىدەك.

غەپلەت كېسىلىنىڭ تېۋىپلىرى ئالىملاردۇر. شەكسىزكى، غەپلەت قەلب كېسەللىكلىرىدىن بولۇپ، قەلب كېسەللىكلىرى بولسا بەدەن كېسەللىكلىرىگە قارىغاندا كۆپتۇر. قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ بولۇپ قېلىشى بىرنەچچە سەۋەبلەردىن بولىدۇ:

  1. بىمار ئۆزىنىڭ قەلب كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
  2. قەلب كېسىلىنىڭ ئاقىۋىتى بۇ دۇنيادا كۆز بىلەن كۆرۈلمەيدۇ. بەدەن كېسىلى بولسا ئۇنداق بولمايدۇ. چۈنكى بەدەن كېسىلىنىڭ ئاقىۋىتى كۆز بىلەن كۆرۈلىدىغان ئۆلۈم بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىنسان تەبىئىتى نەپرەتلىنىدۇ. ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلار بولسا كۆز بىلەن كۆرۈلمەيدۇ. گۇناھ قىلغۇچى قىلغان ئىشىنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، گۇناھلاردىن يېتەرلىك نەپرەتلەنمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى قەلب كېسەللىكىدە ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىگە يۆلەنگەن، بەدەن كېسەللىكىنى داۋالاشتا بولسا يۆلەنمەستىن تىرىشچانلىق قىلغان ھالىتىدە كۆرىسەن.
  3. داۋالاش قىيىن بولغان كېسەللىكتە تېۋىپنىڭ يوقلۇقىدۇر. شەكسىزكى، ئالىملار تېۋىپلەردۇر، ھالبۇكى زامانىمىزدا ئالىملارمۇ كېسەلدۇر، ھالاك قىلغۇچى كېسەللىك بولسا دۇنيا سۆيگۈسىدۇر. تېۋىپلەر دۇنيا سۆيگۈسىگە يېڭىلىپ، بىراۋنىڭ ئۆزلىرىگە: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ كىشىلەرنى داۋالىنىشقا بۇيرۇيسىلەرۇ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر» دېيىشىدىن قورقۇپ، كىشىلەرنى كېسەللىكتىن ئاگاھلاندۇرمىدى. بۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاغرىق ئومۇميۈزلۈك تارقىلىپ، دورا ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئەگەر: «ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى كىشىلەر بىلەن بىرگە مېڭىشى كېرەك بولغان يول قايسى؟» دېيىلسە، بۇنىڭ جاۋابى بەك ئۇزۇندۇر. لېكىن، بىز بۇنىڭدا مەنپەئەتلىك ئەمەللەرگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز. بۇنىڭدا مەنپەئەتلىك ئەمەللەر تۆت تۈرلۈكتۇر:

بىرىنچى تۈر: ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى قۇرئان كەرىمدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇتىدىغان ئايەتلەر، ھەدىسلەر ۋە ئەسەرلەردە كەلگەن شۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى تىلغا ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلغۇچىلارنى ماختاش ھەققىدىكى ئايەت-ھەدىسلەرنى قوشۇشى كېرەك.

ئىككىنچى تۈر: ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جەننەتتىن چىقىرىلىپ ئۇچرىغان مۇسىبەتلىرى، داۋۇد، سۇلايمان ۋە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلارنىڭ ھال-ئەھۋالى ۋە ئىبرەتلىك ھېكايىلىرىنى تىلغا ئېلىشى كېرەك. قۇرئان كەرىم بۇلارنى پەقەت كىشىلەر ئىبرەت ئالسۇن دەپ كەلتۈرگەندۇر. ئۇلارنى دۇنيادىلا جازالاش ئۇلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئىدى. بەختسىزلەرگە بولسا گۇناھنى زىيادە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىلىدۇ. چۈنكى: «ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر» «20تاھا-127». شۇڭا، بۇلارنى داۋاملىق گۇناھ-مەئسىيەت قىلغۇچىلارنىڭ قۇلاقلىرىغا ناھايىتى كۆپ سۆزلەش لازىم. چۈنكى، بۇ ئۇلارنى تەۋبە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشقا پايدىلىقتۇر.

ئۈچىنچى تۈر: ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى كىشىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىنىڭ مۇشۇ دۇنيادىلا تېز كېلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ۋە بەندىگە يەتكەن مۇسىبەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭ جىنايىتى سەۋەبلىك بولىدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ زېھنىدە قارار تاپقۇزۇشى كېرەك. بەزى بەندىلەر ئاخىرەتكە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيادىلا ئازاب كېلىشتىن قورقۇلىدۇ. بەزىدە گۇناھلارنىڭ شۇملۇقى دۇنيادا تېزلا كېلىدۇ. خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەقىقەتەن بىر بەندە ئۆزى قىلغان بىرەر گۇناھ سەۋەبلىك رىزىقتىن مەھرۇم قالىدۇ» دېگىنىدەك.

فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىپ قالىمەن ۋە ئۇنى (شۇ ئاسىيلىقنىڭ شۇملۇقىنى) مېنىڭ ئېشىكىم ۋە خىزمەتچىمنىڭ قىلىقلىرىدىن سېزىۋالىمەن».

ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئېھتىلام بولۇپ قېلىش جازادۇر، بىر ئادەم قىلغان گۇناھى سەۋەبلىكلا جامائەت نامىزىدىن مەھرۇم قالىدۇ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر قارا چېكىت پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلسا ۋە ئۆزىنى تارتىپ قىلغان گۇناھىغا مەغپىرەت تىلىسە، ئۇنىڭ قەلبى پارقىرايدۇ. ئەگەر گۇناھى ئارتسا، قارا چېكىتمۇ ئارتىپ، ھەتتا ئۇنىڭ قەلبىنى تولۇق قاپلايدۇ. بۇ بولسا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا تىلغا ئالغان قارىيىپ كېتىشتۇر: ‹ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن› «83مۇتەففىفىن-14»».

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ياخشىلىق قەلبكە نۇر، بەدەنگە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. خاتالىق بولسا قەلبكە قاراڭغۇلۇق، بەدەنگە ئاجىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ».

تۆتىنچى تۈر: ھاراق ئىچىش، زىنا قىلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، تەكەببۇرلۇق، ھەسەتخورلۇق ۋە غەيۋەت قىلىش قاتارلىق گۇناھلارغا بېرىلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تىلغا ئېلىش. ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى ئاغرىقنى تونۇيدىغان ۋە شىپاسىنى قانداق تەييارلاشنى بىلىدىغان ماھىر تېۋىپ بولۇشى لازىم.

بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ماڭا نەسىھەت قىلسىلا!» دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ئاچچىقلانمىغىن!» دېگەن. يەنە بىر ئادەم: «ماڭا نەسىھەت قىلسىلا!» دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى نەرسىلەردىن ئۈمىدىڭنى ئۈزگىن!» دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرىنچى كىشىدە ئاچچىقلىنىش ئالامەتلىرىنى، ئىككىنچى كىشىدە بولسا تەمەخورلۇق ئالامەتلىرىنى سەزگەن ئىدى. شۇڭا، ئىككىسىگە ئوخشاشمايدىغان ۋەسىيەت قىلدى.

بۇ بولسا غەپلەتنى داۋالاش يولىدۇر.

ئەمدى شەھۋەتنى داۋالاش قېپقالدى. بۇنى داۋالاشنىڭ يولى بولسا «نەپسىنى تەربىيەلەش توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا بىز بايان قىلىپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن ئېلىنىدۇ، سەبر قىلىش لازىم. چۈنكى، بىمار ئۆزىگە زىيان قىلىدىغان نەرسىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ساقىيىش ۋاقتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. كېسىلىگە زىيان قىلىدىغان نەرسىنى يېيىشكە ئۇنىڭدىكى قاتتىق شەھۋەت ياكى زىيان قىلىدىغان نەرسىدىن غەپلەتتە قېلىش سەۋەب بولغاندۇر. شۇڭا، سەبر قىلىشنىڭ ئاچچىقىغا چىداش لازىم. گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە بولغان شەھۋەتمۇ مۇشۇنداق داۋالىنىدۇ. مەسىلەن، ياش يىگىت شەھۋەتكە يېڭىلسا كۆزىنى، قەلبىنى ۋە بەدەن ئەزالىرىنى شەھۋىتى كەينىدىن مېڭىشتىن ساقلاشقا قادىر بولالمايدۇ. بۇ ھالدا ياش يىگىت ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن قورقۇتقۇچى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىكى قورقۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغاندا شەھۋەتنى قوزغىغۇچى سەۋەبلەردىن يىراق بولىدۇ.

تاشقى تەرەپتىن شەھۋەتنى قوزغىغۇچى ئامىل بولسا كۆڭلى تارتقان نەرسىنىڭ ھازىر بولۇشى ۋە شۇ نەرسىگە قاراشتۇر. بۇنىڭ دورىسى: ئاچلىق ۋە داۋاملىق روزا تۇتۇشتۇر. بۇنىڭ ھەممىسى پەقەت سەبر قىلىش ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. قورققان ئادەم سەبر قىلالايدۇ. ئىلىم بولغاندىلا قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. دەلىل بولغاندا ئاندىن ئىلىم ھاسىل بولىدۇ.

شۇڭا، بىرىنچى قىلىدىغان ئىش زىكىر سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، بارچەدىن خالىي قەلب بىلەن ئايەتلەرگە قۇلاق سېلىش ۋە دېيىلگەن سۆزلەرنى تەپەككۇر قىلىشتۇر. شۇنداق قىلغاندىلا، ئىنساندا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى قوزغىلىدۇ، سەبر قىلىشى ئاسان بولىدۇ ۋە داۋالاشنى تەلەپ قىلىش تۈرتكىلىرى كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ تەۋپىقى بىلەن بولىدۇ.

ئەگەر: «ئىنسان گۇناھلارنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ نېمە ئەھۋال؟» دېيىلسە، بۇنىڭ جاۋابى بىرنەچچە تۈرلۈكتۇر: بىرىنچى سەۋەب شۇكى: گۇناھقا ۋەدە قىلىنغان ئازاب ئىنساننىڭ كۆز ئالدىدا نەق ئەمەس. ئىككىنچى سەۋەب: مۇئمىن گۇناھ قىلىپ سالسا، تەۋبە قىلىشنى نىيەت قىلىدۇ. مۇئمىنگە تەۋبە قىلسا ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ۋەدە قىلىنغان. ئىنسان تەبىئەتەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭا ئىنسان ھەمىشە تەۋبىنى كەينىگە سوزىدۇ، كىشى تەۋبە قىلىش ئۈمىدى بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر گۇناھنى قىلىشقا جاسارەت قىلىدۇ. ئۈچىنچى سەۋەب: مۇئمىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋاردۇر.

بۇ سەۋەبلەر قەلبتە پۈتۈن كەلگۈلۈكلەرنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە ئۆلۈمنىڭ ھەرئان ھۇجۇم قىلىش خەۋپىنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن داۋالىنىدۇ.

دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەڭ كۆپ پەريادنى تەۋبىنى كېچىكتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك چېكىدىغانلىقىنى تەپەككۇر قىلىش تەۋبىنى كەينىگە سۆرەشنى داۋالايدۇ. تەۋبە قىلىشنى كېچىكتۈرگۈچى ئىشنى ئۆز قولىدا بولمىغان نەرسە ئۈستىگە بىنا قىلغان بولىدۇ. كىشىنىڭ قولىدا بولمىغان نەرسە بولسا ئۇزۇن ئۆمۈردۇر. كىشى ئۇزۇن ياشىيالماسلىقى مۇمكىن، ياشىغان تەقدىردىمۇ بۈگۈن گۇناھنى تاشلاشقا قادىر بولغاندەك، ئەتە بۇنىڭغا قادىر بولالماسلىقى مۇمكىن. ئۇ ھازىر شەھۋەتنىڭ غالىب كەلگەنلىكى سەۋەبلىكلا گۇناھ-مەئسىيەتنى تەرك ئېتىشتىن ئاجىز كەلدى. شەھۋەت ئەتە ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ. شەھۋەت ئادەتلەنگەنسېرى كۈچىيىدۇ. شۇڭا، بۇ تەرەپتىن تەۋبە قىلىشنى كېچىكتۈرگۈچىلەر ھالاك بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار «ئىككى ئوخشاش نەرسىنىڭ ئارىسىدا پەرق بار» دەپ گۇمان قىلغان كىشىلەردۇر.

تەۋبە قىلىشنى كېچىكتۈرگۈچىنىڭ مىسالى بىر تۈپ دەرەخنى قومۇرۇپ تاشلاشقا موھتاج بولغان، ئاندىن ئۇ دەرەخنى ناھايىتى مۇشەققەت تارتىش بىلەن قومۇرۇپ تاشلىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە «بۇ دەرەخنى قومۇرۇپ تاشلاشنى بىر يىل كېچىكتۈرىمەن، ئاندىن قايتىپ كېلىپ ئۇنى قومۇرۇپ تاشلايمەن» دېگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ كىشى ۋاقىت ئۆتكەنسېرى دەرەخ يىلتىزىنىڭ مۇستەھكەملىشىدىغانلىقىنى، دەرەخنىڭ ئۆمرى ئۇزارغانسېرى ھەسسىلەپ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئۇنۇتقاندۇر. شۇڭا، دەرەخ ئاجىز ۋاقتىدا ئۇنى قومۇرۇپ تاشلاشقا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ قويۇپ قويغانلىقىدىن ئەجەبلىنىش كېرەك. بۇنداق كىشىدىن قانداقمۇ دەرەخ ھەسسىلەپ كۈچەيگەندە، ئۇنى قومۇرۇپ تاشلىشى ۋە دەرەخ ئۈستىدىن غالىب كېلىشى كۈتۈلسۇن؟!

ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشىنى كۈتۈشكە كەلسەك، ئېھتىمال ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئىنسان كەسكىنلىك يولىنى تۇتۇشى كېرەك. بۇنداق ئېتىقادتا بولۇش، خۇددى بارلىق ماللىرىنى خەجلەپ، ئۆزى ۋە ئايال-بالىلىرىنى نامراتلىققا قويۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە بىر خارابىدىن بايلىق ئۇچراشتۇرۇپ رىزىق بېرىشىنى كۈتكەن كىشىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ كىشىگە بايلىق ئۇچرىتىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنداق كىشى «ئەخمەق» دېيىلىدۇ.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىزاھاتلار:

  • ئەھمەد (810)؛ بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 6720). ئىراقىي «زەئىف» دېگەن. ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 1705) «توقۇلما» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • بۇخارىي (6493).
  • ئەھمەد (2)؛ تىرمىزىي (406)؛ ئىبنى ماجە (1395). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار («سەھىھۇلجامىئ»، 5738) «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • ئەھمەد (22440)؛ ئىبنى ماجە (4022). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار («زەئىفۇلجامىئ»، 1452) «زەئىف» دېگەن.
  • ئەھمەد (7939)؛ تىرمىزىي (3334)؛ ئىبنى ماجە (4244). ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 1670) «ھەسەن» دېگەن.
  • بۇخارىي (6116).
  • ئەھمەد (23488)؛ ئىبنى ماجە (4171). ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 742) «سەھىھ» دېگەن.

يىگىرمە ئۈچىنچى بۆلۈم: سەبر قىلىش ۋە شۈكرى قىلىش ھەققىدە

بۆلۈم: “يىگىرمە ئۈچىنچى بۆلۈم: سەبر قىلىش ۋە شۈكرى قىلىش ھەققىدە”

بۇ بۆلۈم ئىككى باب بولۇپ، بىرىنچىسى:

سەبر، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، قىسىملىرى ۋە شۇنىڭدەك ئىشلار توغرىسىدا

بۆلۈم: “سەبر، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، قىسىملىرى ۋە شۇنىڭدەك ئىشلار توغرىسىدا”

سەبرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە

بۆلۈم: “سەبرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە”

ئاللاھ تائالا سەبر سۆزىنى قۇرئان كەرىمدە 90 غا يېقىن ئورۇندا تىلغا ئېلىپ، سەبر قىلىشقا ئەڭ كۆپ ياخشىلىق ۋە دەرىجىلەرنى نىسبەت بەردى ۋە ئۇلارنى سەبر قىلىشنىڭ مېۋىسى قىلدى.

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: «ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەبر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالار قىلدۇق» «32سەجدە-24».

ئاللاھ تائالا يەنە: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى ئۇلار سەبر قىلغانلىقى سەۋەبلىك تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى (يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق» «7ئەئراف-137» دېگەن.

ۋە يەنە: «(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەبر قىلغۇچىلارغا، ئەلبەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز» «16نەھل-96» دېگەن.

يەنە بىر ئايەتتە: «پەقەت سەبر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» «39زۇمەر-10» دېگەن.

سەبر قىلىشتىن باشقا ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ ساۋابى بەلگىلىنىپ ۋە ھېسابلىنىپ بېرىلىدۇ. روزا تۇتۇش سەبر قىلىش جۈملىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا: «روزا پەقەت مەن ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۆزۈم بېرىمەن» دېگەن.

ئاللاھ تائالا سەبر قىلغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ۋەدە قىلغان ۋە سەبر قىلغۇچىلارغا باشقىلار جەم قىلىپ باقمىغان ئەجىرلەرنى جەملەپ كەلتۈرگەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان-زەخمەتلەرگە) سەبر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: ‹بىز ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز› دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» «2بەقەرە-155-157».

بۇ ھەقتىكى ئايەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر.

بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرگە كەلسەك، «سەھىھەين»دە ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھېچبىر كىشىگە سەبر قىلىشتىنمۇ بەك ياخشى ۋە كەڭرى سوۋغا بېرىلمىگەندۇر».

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: «سەبر ئىمانغا نىسبەتەن بەدەندىكى باش ئورنىدا تۇرىدۇ» دېگەن.

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سەبر قىلىش ياخشىلىق خەزىنىلىرىدىن بىر خەزىنىدۇر، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇنى ئۆز ھۇزۇرىدا ھۆرمەتلىك كىشىگىلا بېرىدۇ».

ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچىلاردىن بىرىنىڭ يانچۇقىدا بىر پارچە خەت بولۇپ، ئۇنى ھەر سائەتتە چىقىرىپ ئۇنىڭغا قارايتتى. ئۇ خەتتە بۇ ئايەت يېزىلغان ئىدى: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش) ھۆكمىگە سەبر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن» «52تۇر-48».

ئىزاھاتلار:

  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5927)؛ مۇسلىم (1151). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1469)؛ مۇسلىم (1053). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (40)؛ ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 3535) «بەك زەئىف» دېگەن.

سەبر قىلىشنىڭ ھەقىقىتى ۋە مەنىسى

بۆلۈم: “سەبر قىلىشنىڭ ھەقىقىتى ۋە مەنىسى”

شۇنى بىلگىنكى، سەبر قىلىش ئىنسانىي خۇسۇسىيەتتۇر. ھايۋانلار ناقىس يارىتىلغاچقا ۋە تەبىئىي تۈرتكىلىرىگە مەھكۇم بولغاچقا، ئۇلاردا سەبر قىلىش يوقتۇر. پەرىشتىلەر مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىمۇ سەبرنىڭ بولۇشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ. چۈنكى، پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ئىبادەت قىلىشقا خاس قىلىپ يارىتىلغاندۇر. ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىن توسىدىغان بىر توسىغۇچى شەھۋەت ھۆكۈمران قىلىنمىغاندۇر.

ئىنسان بولسا بالىلىق مەزگىلىدىلا ھايۋانغا ئوخشاش نۇقسانلىق يارىتىلغاندۇر. ئۇنىڭدا بالىلىق مەزگىلىدە ئۆزى موھتاج بولىدىغان ئوزۇقلىنىش ئىستىكىلا يارىتىلغاندۇر. ئاندىن بالىدا ئويۇن-تاماشا ۋە زىننەت ئىستىكىگە ھېرىسمەنلىك كۆرۈلىدۇ، ئاندىن نىكاھلىنىش ئىستىكى ئاشكارا بولىدۇ. ئۇنىڭدا سەبر تاقەت-كۈچى بولمايدۇ. ئەقلىي كۈچى ھەرىكەت قىلىپ كۈچلەنسە، ئۇ ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش يېشىدا ھىدايەت نۇرلىرىنى كۆرىدۇ ۋە بالاغەت يېشىغا يەتكۈچە خۇددى قۇياش شارى زاھىر بولغانغا قەدەر تاڭ نۇرى تەدرىجىي ئاشكارا بولغاندەك، تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. لېكىن، ئۇ كەمتۈك ھىدايەت بولۇپ ئۇنىڭغا ئاخىرەت مەنپەئەتلىرىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇ كەمتۈك ھىدايەت نۇرى شەرىئەت ئىلىم-مەرىپىتى بىلەن باغلانغاندا ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر كۆرۈنىدۇ ۋە ئۇنىڭ قورالى كۆپ بولىدۇ.

لېكىن، ئىنسان تەبىئىتى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەرىئەت ۋە ئەقىل بولسا ئىنسان تەبىئىتىنى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىدىن چەكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان تەبىئىتى بىلەن شەرىئەت ۋە ئەقىل ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلايدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ جەڭ مەيدانى ئىنساننىڭ قەلبىدۇر. دېمەك، سەبر قىلىش ئىستەك غەرىزىگە قارشى دىن تۈرتكىسىنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر ئۇ ئىستەكنى بويسۇندۇرغۇچە مۇستەھكەم تۇرسا، سەبر قىلغۇچىلار قاتارىغا قېتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئاجىز كېلىپ، ئىستەككە يېڭىلسە ۋە شەھۋەتنى دەفئ قىلىشقا قادىر بولالمىسا، شەيتانلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قاتارىغا قېتىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، سەبر قىلىش دىنىي تۈرتكىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسكە قارشى تۇرۇشتا مۇستەھكەم تۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ قارشى تۇرۇش ئىنسانلار خۇسۇسىيىتىدۇر.

پەسىل: سەبرنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە

بۆلۈم: “پەسىل: سەبرنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە”

شۇنى بىلگىنكى، سەبر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

ئۇنىڭ بىرى، بەدەنگە خاس سەبردۇر: بەدەن بىلەن ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈش ۋە ئىبادەتلەر ياكى ئۇنىڭدىن باشقا قىيىن ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشقا ئوخشاش.

يەنە بىرى بولسا نەپسنىڭ ئىنسان تەبىئىتى ۋە ھاۋايى-ھەۋىسى تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە قارشى سەبر قىلىشىدۇر:

  • ئەگەر قورساق ۋە ئەۋرەت شەھۋىتىدىن سەبر قىلىنسا، بۇ تۈرلۈك سەبر «ئىپپەت» دەپ ئاتىلىدۇ.
  • ئەگەر ئۇرۇش قىلىشتا سەبر قىلىنسا «باتۇرلۇق» دەپ ئاتىلىدۇ.
  • ئەگەر ئاچچىقنى يۇتۇشتا سەبر قىلىنسا «ھەلىملىك» دەپ ئاتىلىدۇ.
  • بىئارام قىلغۇچى ھادىسىدە سەبر قىلىنسا «كەڭ قورساقلىق» دەپ ئاتىلىدۇ.
  • بىرەر سىرنى يوشۇرۇشتا سەبر قىلىنسا «ئاغزى چىڭلىق» دەپ ئاتىلىدۇ.
  • ئەگەر تۇرمۇشنىڭ ئارتۇقچە نەرسىلىرىدىن سەبر قىلىنسا «زاھىدلىق» دەپ ئاتىلىدۇ.
  • ئەگەر ئازغىنە نېسىۋىگە سەبر قىلىنسا «قانائەت» دەپ ئاتىلىدۇ.

مۇسىبەت دەمىدىكى سەبر دەل سەبرچانلىقتۇر. بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن شۇ ئاشكارىدۇركى، ئىمان ئەخلاقلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسىملىرى ھەرخىل بولسىمۇ، باغلانغان نەرسىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ سەبر قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

شۇنى بىلگىنكى، بەندە ھەرقانداق ھالەتتە سەبر قىلىشتىن بىھاجەت بولالمايدۇ. چۈنكى، بەندە دۇنيادا يولۇققۇسى بارلىق نەرسىلەر ئىككى تۈردىن خالىي بولمايدۇ:

بىرىنچى تۈر: تەن ساقلىق، سالامەتلىك، مال-مۈلك، يۈز-ئابرۇي، خىش-ئەقرەبا، كۆپلىگەن ئەگەشكۈچى ۋە مول دۇنيا لەززەتلىرىدىن ئىبارەت ئىنساننىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان نەرسىلەر. ئىنسان بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە سەبر قىلىشقا موھتاج. چۈنكى، سەبر قىلىش ئارقىلىق ئىنسان ئۇ نەرسىلەرگە مايىل بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن لەززەتلىنىشكە بېرىلمەيدۇ ۋە ئۆز مېلىنى سەرپ قىلىش ۋە بەدىنى بىلەن ھەقكە ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىدۇ. ئىنسان لەززەتلەرگە بېرىلىش ۋە ئۇنىڭغا مايىل بولۇشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىسا، بۇ ئۇنى ھاكاۋۇرلۇق ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

ئارىفلار (ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغۇچىلار) دىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن بالا-مۇسىبەتكە سەبر قىلالايدۇ، ئەمما كەڭرى تۇرمۇش سىنىقىغا پەقەت سىددىق (بەك راستچىل) كىشىلا سەبر قىلالايدۇ».

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز قىيىنچىلىق بىلەن سىنىلىپ سەبر قىلدۇق، ئەمما كەڭرى تۇرمۇش بىلەن سىنىلىۋىدۇق، سەبر قىلالمىدۇق!».

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇئمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر» «63مۇنافىقۇن-9».

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: «بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار» «8ئەنفال-28».

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار (ئاللاھ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» «64تەغابۇن-14».

ھەقىقىي ئەركەك كەڭرى تۇرمۇشقا سەبر قىلالايدىغان كىشىدۇر. بۇ سەبر شۈكۈر قىلىشقا باغلىنىدۇ. سەبر قىلىش بولسا مۇكەممەل شۈكۈر قىلىش بىلەن تاكامۇللىشىدۇ. كەڭرى تۇرمۇشقا سەبر قىلىش شۇنىڭ ئۈچۈن قىيىندۇركى، بۇ ھالەتتە سەبر قىلىش قۇربى يېتىپ تۇرۇپ سەبر قىلغانلىقتۇر. ئاچ قالغان ئادەم لەززەتلىك تاماق ھازىر بولغاندا سەبر قىلغانغا قارىغاندا، تاماق يوق ۋاقىتتا بەكرەك سەبر قىلالايدۇ.

ئىككىنچى تۈر: ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ ئەكسىچە نەرسىلەر بولۇپ، ئۇ ئۈچ قىسىمدۇر:

بىرىنچى قىسىم: تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىشتا سەبر قىلىش. ئىنسان تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىشتا سەبرگە موھتاجدۇر. چۈنكى، نەپس ئۆز تەبىئىتىدە قۇللۇق قىلىشتىن قاچىدۇ. ئىبادەتلەردىن نامازغا ئوخشاش ئىنساننىڭ ھۇرۇنلۇقى سەۋەبىدىن قىلىش ئېغىر تۇيۇلىدىغان ئىبادەتلەر باردۇر. زاكات بېرىشكە ئوخشاش بېخىللىق سەۋەبىدىن قىلىش ئېغىر تۇيۇلىدىغان ئىبادەتلەر باردۇر. ھۇرۇنلۇق ۋە بېخىللىق سەۋەبىدىن قىلىش ئېغىر تۇيۇلىدىغان ھەج ۋە جىھادقا ئوخشاش ئىبادەتلەر باردۇر.

ئاللاھ رىزالىقىنى ئىرادە قىلغۇچى ئۈچ خىل ھالەتتە رەببىنىڭ تائەت-ئىبادىتىگە سەبر قىلىشقا موھتاج بولىدۇ:

  1. ئىبادەتتىن بۇرۇنقى ھالەت: يەنى نىيەتنى توغرىلاش، ئىخلاس قىلىش ۋە رىيا ئارىلىشىپ قېلىشتىن سەبر قىلىش (ساقلىنىش) تۇر.
  2. ئىبادەتتىكى ھالەت: يەنى ئىبادەت جەريانىدا ئاللاھ تائالادىن غاپىل قالماسلىق، ئىبادەتنىڭ سۈننەت ۋە ئەدەبلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىن ئېرىنمەسلىك، بۇ ئارقىلىق ئىبادەتتىن پارىغ بولغانغا قەدەر چارچاپ قالماي سەبر قىلىشنى لازىم تۇتۇشتۇر.
  3. ئىبادەتتىن كېيىنكى ھالەتتۇر: بۇ ھالەتتىكى سەبر بولسا ئىبادەتنى سەبر بىلەن يوشۇرۇش، رىيا ۋە شۆھرەت تۈپەيلىدىن ئىبادىتىنى ئاشكارىلىماسلىق ۋە ئىبادەتنى بۇزىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلماي سەبر قىلىشتۇر. كىمكى سەدىقە قىلغاندىن كېيىن سەبر قىلىپ مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ساقلانمىسا، قىلغان سەدىقىسىنىڭ ساۋابى يوققا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇئمىنلەر! پۇل-مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا-چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» «2بەقەرە-264».

ئىككىنچى قىسىم: گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئالدىدا ئۇنى قىلماي سەبر قىلىش. بەندە بۇنىڭغا نېمىدېگەن موھتاج، ھە! ئەگەر گۇناھ قىلىش ئاسان بولغان غەيۋەت قىلىش، يالغان ئېيتىش، جېدەللىشىش قاتارلىق تىل بىلەن قىلىنىدىغان گۇناھلار بولسا، بۇ گۇناھلارنى قىلماي سەبر قىلىش قىيىندۇر. سەن باشقىلار يىپەك كىيىم كىيسە ئۇنى يامان كۆرىدىغان، ئەمما ئۆزى كۈن بويى غەيۋەت قىلسىمۇ، ئۆز قىلمىشىنى يامان كۆرمەيدىغان بىر كىشىنى كۆرىسەن. كىمكى سۆزلىگەندە تىلىنى باشقۇرۇشقا ۋە سەبر قىلىشقا قادىر بولالمايدىكەن، ئۇنداق كىشى پەقەت باشقىلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇش بىلەنلا گۇناھتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

ئۈچىنچى قىسىم: مۇسىبەتلەرگە ئوخشاش سىناق دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئىشلار. مەسىلەن، يېقىن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، مال-مۈلكلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى، قارىغۇ بولۇپ قېلىش، ساقسىزلىق ۋە باشقا ھەرتۈرلۈك بالا-مۇسىبەتلەر. بۇلارغا سەبر قىلىش ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سەبر قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، بۇ سەبر بەرگۈچى ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەنلىكتۇر.

رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى مۇسىبەتكە دۇچار قىلىدۇ» دېگەن.

بۇنىڭغا يېقىن بولغان يەنە بىر قىسىم بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ قىلغان ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلىشتۇر. بۇ خۇددى سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەت بىلەن يا نەپسىگە، يا مېلىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈلگەن كىشىگە ئوخشاش. بۇ ئىشلارغا سەبر قىلىش ئەزىيەت يەتكۈزگۈچىگە ئوخشاش شەكىلدە ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك بىلەن بولىدۇ.

كىشىلەر يەتكۈزگەن ئەزىيەتكە سەبر قىلىش يۈكسەك مەرتىۋە جۈملىسىدىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەبر قىلساڭلار، (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر» «3ئال ئىمران-186».

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سەبر قىلساڭلار (يەنى ئىنتىقام ئالماي كەچۈرسەڭلار)، بۇ سەبر قىلغۇچىلار (يەنى كەچۈرگۈچىلەر) ئۈچۈن (ئەلبەتتە) ياخشىدۇر» «16نەھل-126». ۋە يەنە: «بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز» «15ھىجر-97».

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «سەبر قىلىش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلار: مۇسىبەتكە سەبر قىلىش، تائەت-ئىبادەت قىلىشتا سەبر قىلىش ۋە گۇناھ-مەئسىيەت ئالدىدا سەبر قىلىشتىن ئىبارەت. كىمكى مۇسىبەتكە سەبر قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ گۈزەل شەكىلدە بەرداشلىق بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا 300 دەرىجە يازىدۇ، بىر دەرىجە بىلەن يەنە بىر دەرىجە ئارىسىدا ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ئارىسىچىلىك مۇساپە باردۇر. كىمكى تائەت-ئىبادەت قىلىشتا سەبر قىلسا، ئۇنىڭغا 600 دەرىجە يېزىلىدۇ، ھەر ئىككى دەرىجە ئارىسىدا زېمىننىڭ چېگراسىدىن ئەرشنىڭ چېكىگىچە بولغان مۇساپىدەك ئارىلىق باردۇر. كىمكى گۇناھ-مەئسىيەت ئالدىدا سەبر قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا 900 دەرىجە يازىدۇ، ھەر ئىككى دەرىجە ئارىسىدا ئىككى قېتىم زېمىننىڭ چېگراسىدىن ئەرشنىڭ چېكىگىچە بولغان مۇساپىدەك ئارىلىق بولىدۇ».

سەبر قىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر كۆپتۇر. شۇ ھەدىسلەردىن، ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم «سەھىھەين»دە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا تىكەن كىرىش چاغلىق مۇسىبەت يەتسە، ئاللاھ تائالا شۇ سەۋەب ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ».

يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا يەتكەن ھارغىنلىق ياكى كېسەللىك، ياكى ئەندىشە، ياكى قايغۇرۇش، ياكى ئەزىيەت ۋەياكى غەم-غۇسسىلەر ئۈچۈن، ھەتتا بەدىنىگە كىرىپ كەتكەن بىر تىكەن ئۈچۈنمۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيىۋېتىدۇ».

يەنە بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىنە ئايالنىڭ ئۆزىگە، پۇل-مېلىغا ۋە بالىچاقىلىرىغا داۋاملىق مۇسىبەت يېتىپ تۇرىدۇ. ئاخىرىدا، ئاللاھ تائالا بىلەن ھېچقانداق گۇناھى يوق ھالەتتە ئۇچرىشىدۇ» دېگەن.

سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن: — ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! قايسى كىشىلەر ئەڭ قاتتىق سىنىلىدۇ؟ — دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ: — پەيغەمبەرلەر، ئاندىن سالىھلار، ئاندىن ياخشىلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى. بىر ئادەم دىنى بىلەن سىنىلىدۇ، ئەگەر كىشى قاتتىق دىندار بولسا، سىناق قاتتىق بولىدۇ، ئەگەر نورمال دىندار بولسا، سىناق يەڭگىل بولىدۇ، بىر بەندە داۋاملىق مۇسىبەت بىلەن سىنىلىدۇ، ھەتتا ئۇ بىگۇناھ ھالدا زېمىندا ماڭىدۇ — دېدى».

بىزگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئاللاھ تائالا: ‹مەن بىر بەندەمنىڭ يا بەدىنىگە، يا مېلىغا ۋەيا بالىسىغا مۇسىبەت ئەۋەتسەم، ئۇ بەندە مۇسىبەتنى چىرايلىق رەۋىشتە سەبر قىلىپ قارشى ئالسا، مەن ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى مىزان تۇرغۇزۇشتىن ياكى ئۇنىڭ نامە-ئەمەل دەپتىرىنى ئېچىشتىن ھايا قىلىمەن› دەيدۇ».

ئىزاھاتلار:

  • بۇخارىي (5645). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • ئىبنى ئەبىددۇنيا: «سەبرنىڭ پەزىلىتى» (24). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 3532) «زەئىف» دېگەن.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5640)؛ مۇسلىم (2572).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5641، 5642)؛ مۇسلىم (4573). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • ئەھمەد (7846)؛ تىرمىزىي (2399). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار («سەھىھۇلجامىئ»، 5815) «سەھىھ» دېگەن.
  • ئەھمەد (1481)؛ تىرمىزىي (2398)؛ ئىبنى ماجە (4023). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار («سەھىھۇلجامىئ»، 992) «سەھىھ» دېگەن.
  • قۇزائىي: «مۇسنەدۇششىھاب» (1338). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 4044) «زەئىف» دېگەن.

پەسىل: سەبر قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: سەبر قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى توغرىسىدا”

سەبرنىڭ ئەدەبلىرىدىن بىرى، مۇسىبەت يەتكەن ئاۋۋالقى ۋاقىتتا سەبر قىلىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سەبر دېگەن مۇسىبەت يەتكەن ئاۋۋالقى پەيتتە بولىدۇ».

سەبر قىلىش ئەدەبلىرىدىن يەنە بىرى، مۇسىبەت يەتكەن چاغدا ئىستىرجا ئېيتىشتۇر («ئىننالىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن»، يەنى بىز ئاللاھ ئۈچۈنمىز، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايىتقۇچىلارمىز، دېيىش). مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە بۇ توغرىسىدا مۇنداق كەلگەن: ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانغا مۇسىبەت يەتكەن ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنى بويىچە: ‹بىز ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز› دېگەن ئايەتنى ۋە: ‹ئى ئاللاھ! ماڭا يەتكەن مۇسىبەتتە ماڭا ئەجىر بەر ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بەر!› دېگەن دۇئانى ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا تىلىگىنىنى بېرىدۇ».

بەدەن-ئەزالار ۋە تىلنىڭ جىم تۇرۇشىمۇ سەبر قىلىش ئەدەبلىرىدىندۇر. ئاۋاز چىقارماي كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇش دۇرۇستۇر. ھەكىملەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مۇسىبەت يەتكەندە سەبرسىزلىك قىلىش قولدىن كەتكەن نەرسىنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ، لېكىن دۈشمەننى خۇشال قىلىدۇ».

ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ئۇممۇ سۇلەيم ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەندە مۇسىبەتنى چاندۇرمىغاندەك، مۇسىبەت يەتكەن كىشىدە مۇسىبەت ئالامىتىنىڭ كۆرۈلمەسلىكىمۇ ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە سەبر قىلغانلىق قاتارىدىندۇر. بۇ ھەقتىكى ھەدىس «سەھىھۇ مۇسلىم»دا مەشھۇردۇر.

سابىت ئەلبۇنانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئابدۇللاھ ئىبنى مۇتەررىف ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ دادىسى مۇتەررىف كىشىلەرنىڭ يېنىغا چىرايلىق كىيىم كىيىپ، چېچىنى مايلىغان ھالەتتە چىقىپ كەلدى. كىشىلەر بۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ: — ئابدۇللاھ ئۆلگەن تۇرسا، سەن مۇشۇنداق كىيىم بىلەن چېچىڭنى مايلاپ چىقامسەن؟ — دېگەنىدى، مۇتەررىف بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: — مەن بۇ مۇسىبەت بىلەن چۈشكۈنلىشەيمۇ؟! رەببىم تەبارەكە ۋەتائالا ماڭا ئۈچ خىسلەتنى ۋەدە قىلدى، ھەربىر خىسلەت ماڭا دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر› «2بەقەرە-157»».

مۇتەررىف يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ماڭا ئاخىرەتتە بىر غېدىر سۇ چاغلىق نەرسە بېرىلىدىغان بولسا، مەن شۇ نەرسىنىڭ ئېۋەزىگە دۇنيادا مەندىن بىر نەرسە مۇسىبەت بىلەن ئېلىنىشىنى ياخشى كۆرىمەن».

سىلە ئىبنى ئەشيەم ئوغلى بىلەن ئۇرۇشقا چىققان ئىدى. سىلە ئوغلىغا: «ئوغلۇم! ئالدىغا چىقىپ ئۇرۇشقىنكى، مەن ساڭا ساۋاب ئۈمىد قىلاي» دېدى. ئوغلى دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلدى، ئاندىن سىلەمۇ ئالدىغا چىقىپ، دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاياللار سىلەنىڭ ئانىسى مۇئازە ئەدەۋىييەنىڭ يېنىغا يىغىلغانىدى، شۇندا سىلەنىڭ ئانىسى: «سىلەر مېنى تەبرىكلىگىلى كەلگەن بولساڭلار، خۇش كەپسىلەر! ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا ئىش ئۈچۈن كەلگەن بولساڭلار، قايتىپ كېتىڭلار!» دېدى.

ئەگەر مۇسىبەت يوشۇرغىلى بولىدىغان مۇسىبەت بولسا، ئۇنى يوشۇرۇش ئاللاھ تائالانىڭ يوشۇرۇن نېئمەتلىرىدىن بىر نېئمەتتۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر بەندە كېسەل بولۇپ قالسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىككى پەرىشتە ئەۋەتىپ: ‹سىلەر ئۇ كېسەل كىشى ئۆزىنى يوقلاپ كەلگۈچىلەرگە نېمە دەيدۇ؟ قاراپ تۇرۇڭلار!› دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ يوقلىغۇچىلار كىرگەندە ئۇ بەندە ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتسا، ئىككى پەرىشتە ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ چىقىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئوبدان بىلىپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا: ‹مەن بەندەمنى ۋاپات تاپقۇزسام، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىمەن، ئەگەر ئۇنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسەم ئۇنىڭ گۆشىنى تېخىمۇ ياخشى بولغان باشقا بىر گۆشكە، قېنىنى تېخىمۇ ياخشى قانغا ئالماشتۇرۇپ بېرىمەن ۋە ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇيۇپ تاشلايمەن› دەيدۇ».

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كېسەل بولساڭ، ئۇنى باشقىلارغا شىكايەت قىلماسلىقىڭ ۋە مۇسىبىتىڭنى تىلغا ئالماسلىقىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى تونۇغانلىقىڭ ۋە ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلىغانلىقىڭ جۈملىسىدىندۇر».

ئەھنەف رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بىر كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ قالغىلى 40 يىل بولدى، مەن ئۇنى ھېچكىمگە دەپ باقمىدىم».

بىر كىشى ئىمام ئەھمەدكە: — ئۆزىڭىزنى قانداقراق ھېس قىلىۋاتىسىز؟ — دېگەنىدى، ئىمام ئەھمەد: — ياخشى، تېنىم سالامەت! — دېدى. ئۇ كىشى: — تۈنۈگۈن ئاخشام قىزىپ قالدىڭىزمۇ؟ — دېگەنىدى، ئىمام ئەھمەد: — ساڭا تېنىم سالامەت دېدىمغۇ؟! ساڭا بۇ سۆز يېتەرلىك، مېنى ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى سۆزلىگىلى سالمىغىن — دېدى.

شەقىق بەلخىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزىگە يەتكەن مۇسىبەتنى ئاللاھ تائالادىن باشقىغا دەيدىكەن، ئاللاھ تائالاغا قىلغان تائەت-ئىبادىتىدە ھەرگىز لەززەت ھېس قىلالمايدۇ».

ھەكىملەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مۇسىبەتلەرنى يوشۇرۇش ياخشىلىق خەزىنىلىرىدىن بىرىدۇر. سەلەف سالىھلەر مۇسىبەت يەتسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى ئويلاپ خۇشال بولۇشاتتى».

سەلەف سالىھلەرنىڭ سەبر قىلىش ھەققىدىكى ھېكايىلىرى مەشھۇردۇر. شۇ ھېكايىلەردىن بىرى: شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇلمەلىك ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنى دادىسى ئۆمەر دەپنە قىلىپ، تۇپراق بىلەن قەبرىسىنى تۈزلەپ بولغاندىن كېيىن ئۆرە تۇرىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىنى قورشىغاندا، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئوغلۇم! ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن، سەن ئاتاڭغا بەك ۋاپادار ئىدىڭ. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! ئاللاھ سېنى ماڭا سوۋغات قىلىپ بەرگەندىن بۇيان، مەن سەن سەۋەبلىك بەك خۇشال بولدۇم. ياق! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئاللاھ تائالانىڭ سېنى ۋاپات تاپقۇزغانلىقىغىمۇ بەك خۇشال بولدۇم، مەن سېنى ئاللاھ تائالا كەلتۈرگەن بۇ مەنزىلگە قويغاندىن باشلاپ، ئاللاھ تائالا تەرەپتىن بولىدىغان ساۋابتىن ئىبارەت نېسىۋەمنى ئۈمىد قىلدىم».

دېدىلەر: «ئەگەر سەبر قىلىشتىن بولغان مەقسەت مۇسىبەتلەرنى يامان كۆرمەسلىك بولسا، ئىنساننىڭ بۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدۇ. بايان قىلغىنىڭىزدەك، مۇسىبەتلەر مەۋجۇد تۇرۇپ خۇشال بولۇش تامامەن ئىمكانسىزدۇر، ئۇنداق ئەمەسمۇ؟».

جاۋاب: سەبر قىلىش پەقەت ياخشى كۆرۈلىدىغان ياكى يامان كۆرۈلىدىغان نەرسىگە قارىتا بولىدۇ. ئىنسان كۆڭلىدە بىئارام بولۇشقا ئوخشاش ئۆز ئىختىيارىدا بولمىغان ئىشتىن چەكلەنمەيدۇ. لېكىن، ياقىلىرىنى يىرتىش، يۈز-كۆزلىرىنى كاچاتلاش ۋە پەرياد-پىغان قاتارلىق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىدىغان ئىشلاردىن چەكلىنىدۇ. بىز ھېكايىلەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بەزى كىشىلەرنىڭ مۇسىبەت يەتكەندە خۇشال بولۇشىغا كەلسەك، ئۇ ئىنسان تەبىئىتى جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى شەرئىي جەھەتتىن خۇشال بولۇشتۇر. چۈنكى، ئىنسان تەبىئىتى مۇسىبەتلەرنى يامان كۆرىدۇ.

بۇ، مىسالى بىر بىمارغا كېسىلىگە قارىتا بىر ئىچىملىك رېتسىپ قىلىپ يېزىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم بۇ بارىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مېلىنى سەرپ قىلىدۇ. ئاندىن ئىچىملىكنى ئالغۇدەك مال تاپقان چاغدا قاتتىق خۇشال بولىدۇ ۋە تېنىنىڭ ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇ ئىچىملىكنى ئىچىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئادەمنىڭ تەبىئىتى ئەسلىدە ئۇ ئىچىملىكنى ئىچىشنى يامان كۆرىدۇ.

ئەگەر بىر پادىشاھ بىر كەمبەغەلگە: «سېنى بۇ يۇمشاق تاياق بىلەن ئۇرسام، ھەرقېتىملىق ئۇرۇشقا مىڭ تىللا بېرىمەن» دېسە، كەمبەغەل ئەلبەتتە كۆپ ئۇرۇلۇشنى ياخشى كۆرگەن بولاتتى. ئۇنىڭ كۆپ ئۇرۇلۇشنى ياخشى كۆرۈشى تاياقنىڭ ئاغرىتمايدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى تاياق ئاغرىتسىمۇ، ئۇنىڭغا كېلىدىغان مال سەۋەبلىك ئۇرۇلۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭدەك سەلەف سالىھلەرمۇ ساۋابنى كۆزلىگەنلىكتىن، ئۇلارغا كەلگەن مۇسىبەت يەڭگىل بىلىنگەن.

ئىزاھاتلار:

  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1283)؛ مۇسلىم (926). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • مۇسلىم (918).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5470)؛ مۇسلىم (2144). ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • مالىك (1682)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (9471). ئەتائ ئىبنى يەساردىن مۇرسەلدۇر. ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 272) «مۇرسەل سەھىھ» دېگەن.

پەسىل: سەبر قىلىشنىڭ دورىسى ۋە سەبر قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: سەبر قىلىشنىڭ دورىسى ۋە سەبر قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدا”

شۇنى بىلگىنكى، ئاغرىقنى چۈشۈرگەن زات دورىنىمۇ چۈشۈرۈپ، شىپالىق بېرىشنى ۋەدە قىلدى.

سەبر قىلىش قىيىن ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئىلىم ۋە ئەمەلنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل قىلىش مۇمكىندۇر. ئىلىم ۋە ئەمەلدىن بارلىق قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ دورىلىرى تەييار قىلىنىدۇ.

ھەرقانداق كېسەللىك ئۆز لايىقىدا ئىلىم ۋە ئەمەلگە موھتاج. دېمەك، ھەرخىل كېسەللىكلەرگە ھەرخىل دورىلار بېرىلىدۇ. چۈنكى، داۋالاشنىڭ مەنىسى كېسەللىكنى پەيدا قىلغان سەۋەبكە قارشى تۇرۇش دېمەكتۇر.

مەسىلەن، ئىنسان ئەۋرىتىنى، كۆزىنى ۋە قەلبىنى تۇتۇۋالالمايدىغان دەرىجىدىكى جىما شەھۋىتىگە سەبر قىلىشقا موھتاج بولسا، بۇ شەھۋەت ئۈچ نەرسە بىلەن داۋالىنىدۇ:

  1. داۋاملىق روزا تۇتۇش، ئىپتار قىلغاندا ئازغىنە تاماق يېيىش بىلەن كۇپايىلىنىش.
  2. شەھۋەتنى قوزغىغۇچى سەۋەبلەرنى ئۈزۈپ تاشلاش. چۈنكى شەھۋەت قاراش بىلەن قوزغىلىدۇ، قاراش قەلبنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، قەلب شەھۋەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. بۇنىڭ دورىسى بولسا باشقىلاردىن ئايرىلىپ يالغۇز تۇرۇش ۋە كۆڭلى تارتقان سۈرەتلەرگە كۆزىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشتۇر. چۈنكى، قاراش ئىبلىسنىڭ زەھەرلىك ئوقلىرىدىن بىر ئوق بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆزىنى تۆۋەن قىلىش ياكى قاراشتىن قېچىش ئارقىلىقلا ساقلانغىلى بولىدۇ.
  3. مۇباھ بولغان نەرسىلەر ئارقىلىق كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرنى تەسكىن قىلىش. بۇ نىكاھلىنىش بىلەن بولىدۇ. ئىنسان تەبىئىتى خاھلىغان ھەرقانداق ھارامدىن مۇباھ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق بىھاجەت بولغىلى بولىدۇ. مانا بۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئەڭ جايىدا دورىسىدۇر. ئوزۇقلىنىشنى كېسىش بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، شەھۋەت بۇنىڭدىن باشقا ئىش بىلەن ئاجىزلاشمايدۇ.

ئىنسان نەپسىنى جىھاد قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. چۈنكى، نەپسىنى ھاۋايى-ھەۋىسىگە قارشى جىھاد قىلىشقا ئادەتلەندۈرگەن كىشى قاچان خاھلىسا شۇ ۋاقىتتا نەپسىگە غالىب كېلەلەيدۇ.

شۇنى بىلگىنكى، سەبر ۋە جىھادنىڭ ئەڭ قىيىن تۈرى ئىچكى دۇنياسىنى خىيال قىلىشتىن توختىتىشتۇر. بىر ئىشقا بېرىلگەن ۋە خالىي يەردە تۇرغان كىشىدە خىيال كۆپ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنى ۋەسۋەسىلەر ئۆزىگە تارتىدۇ. بۇنىڭ دورىسى ئالاقىلەرنى ئۈزۈش ۋە غېمىنى بىر غەم قىلىش، تەپەككۇرىنى ئاسمان-زېمىننىڭ سەلتەنىتى، ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىش ئاجايىباتلىرى ۋە ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ بارلىق يوللىرىغا قايتۇرۇشتۇر. بۇلار قەلبنى بويسۇندۇرسا، كىشىنىڭ بۇلار بىلەن مەشغۇل بولۇشى شەيتاننىڭ ئۇنى ئۆزىگە تارتىشى ۋە ۋەسۋەسىلىرىنى دەفئ قىلىدۇ.

ئەگەر كىشى يوشۇرۇن پىكىر قىلالمىسا، ئۇنى پەقەت قىرائەت قىلىش، زىكىرلەرنى ئوقۇش، نامازلارنى ئوقۇش قاتارلىق ئۈزۈلمەي قىلىنىدىغان، ئىنسان ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ۋىردلەر (زىكىرلەر) قۇتقۇزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، قەلب ھۇزۇرىنى كەلتۈرۈشكە موھتاج بولىدۇ. چۈنكى، ئاشكارا ۋىردلەر ئەمەس، يوشۇرۇن پىكىر قەلبنى تولۇق ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭغا تىرىشىش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىش مۇمكىندۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ لۇتف-ئىنايىتى بىلەن زاھىر بولىدىغان ئەھۋاللار ۋە ئەمەللەردىن ئېرىشىلىدىغان ماقاملار بولسا خۇددى ئوۋلانغان ئوۋ كەبىدۇر. ئوۋ، ئاللاھ تائالا بېرىدىغان رىزىق مىقدارىچە بولىدۇ. بەزىدە تىرىشچانلىق ئاز بولسىمۇ ئوۋ كۆپ بولىدۇ. يەنە بەزىدە تىرىشچانلىق ئۇزۇن بولسىمۇ، ئوۋ غەنىيمىتى ئاز بولىدۇ. بۇ تىرىشچانلىقتا مېھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر جەزبىسى ئاساستۇر. چۈنكى، ئۇ ئىنسى-جىنلارنىڭ ئەمەللىرىگە باراۋەر كېلىدۇ. بۇ بەندىنىڭ تاللىشى بىلەن بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ تاللىشى قەلبىدىن دۇنيانىڭ جەزبىدار ئىشلىرىنى قومۇرۇپ تاشلاش ئارقىلىق ئاشۇ جەزبىگە يولۇقۇشنى تاللىشىدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ئەڭ تۆۋەننىڭمۇ تۆۋىنىگە تارتىلغۇچى ئەڭ يۇقىرىنىڭ يۇقىرىسىغا جەلب قىلىنمايدۇ. دۇنياغا ھېرىسمەن كىشى دۇنياغا تارتىلىدۇ. شۇڭا جەلب قىلغۇچى سەۋەبلەردىن ئالاقىلەرنى ئۈزۈش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەقىقەتەن، سىلەرنىڭ يىل، ئاي، كۈنلىرىڭلار ئىچىدە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سوۋغىلىرى بار، دىققەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئۆزۈڭلارنى يولۇقتۇرۇڭلار!» دېگەن سۆزىدىن مەقسەتتۇر.

ئۇنداقتا بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز: زېمىننى ياخشىلاپ، ئوت-چۆپلەردىن پاكىزلاپ، ئۇنىڭغا ئۇرۇق چاچقان كىشىگە ئوخشاش بولۇش ۋە رەھمەت ياغقۇسى ئورنىنى بوشىتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ چۈشۈشىنى كۈتۈشتۇر. يامغۇر بولمىسا، زېمىننى ياخشىلاپ، ئوت-چۆپلەردىن پاكىزلەش ۋە ئۇرۇق چېچىش بىھۇدەدۇر. ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ يامغۇرنى قاچان ياغدۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىراق، كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بىر يىلنى يامغۇر ياغدۇرماي ئۆتكۈزۈۋەتمەيدىغانلىقىدەك مەرھەمىتىگە ئىشىنىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىل، ئاي ۋە كۈنلەر ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتلىرىدىن بىر پەزل-رەھمەتتىن ۋە سوۋغىلىرىدىن بىر سوۋغىدىن خالىي قالمايدۇ.

شۇڭا، بەندە قەلبىنى شەھۋەتلەرنىڭ ئوت-چۆپلىرىدىن پاكلىغان بولۇشى، قەلبىگە ئىرادە ۋە ئىخلاس ئۇرۇقىنى تېرىشى، ھەمدە قەلبىنى رەھمەت شامىلى كېلىدىغان ئورۇنغا توغرىلىشى لازىم. يامغۇر بۇلۇتلىرى كۆرۈلىدىغان ئەتىياز مەزگىلىدە يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىد چوڭ بولغىنىدەك، ئەرەفات كۈنى، جۈمە كۈنى ۋە رامازان ئېيىغا ئوخشاش قەلبلەر تېتىك، ئىرادە-مەقسەتلەر مۇجەسسەم بولىدىغان ۋاقىتلار ۋە باشقا شەرەپلىك دەملەردە شۇ رەھمەتلەردىنمۇ ئۈمىد چوڭ بولۇشى كېرەك. ئىرادىلەر ۋە قىممەتلىك ۋاقىتلار ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى ۋە تەقدىرى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ مول چۈشۈشى ئۈچۈن سەۋەبتۇر.

ئىزاھاتلار:

  • بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ھەرقانداق بىر كېسەللىكنى چۈشۈرگەن بولسا، چوقۇم ئۇنىڭ داۋاسىنىمۇ چۈشۈرگەندۇر» دېگەن. بۇخارىي (5678). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • جەزب / جەزبە (اَلْجَذْبُ): تەسەۋۋۇف ئاتالغۇسى بولۇپ، ئىلاھىي ئىنايەتنىڭ بەندىنى ئۆز ھۇزۇرىغا يېقىن تارتىشىدۇر. تارتىلغۇچىنىڭ جىمى مەنزىل ۋە ماقاملارنى جاپا-مۇشەققەتسىز بېسىپ ئۆتۈشى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پۈتۈن ئېھتىياجىنى تەييارلاپ بېرىدۇ. بۇ جەھەتتىن تارتىلغۇچى («مەجزۇب») يولنى رىيازەت ۋە چېنىقىش بىلەن باسىدىغان «سالىك»تىن پەرقلىنىدۇ. مەجزۇب «مۇراد (ئىرادە قىلىنغۇچى)» دەپ ئاتالسا، سالىك «مۇرىد (ئىرادە قىلغۇچى)» دەپ ئاتىلىدۇ.
  • تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت» (2856). مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 1917) «زەئىف» دېگەن.

ئىككىنچى باب: شۈكۈر قىلىش، ئۇنىڭ پەزىلىتى، نېئمەتلەرنىڭ بايانى، قىسىملىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار توغرىسىدا

بۆلۈم: “ئىككىنچى باب: شۈكۈر قىلىش، ئۇنىڭ پەزىلىتى، نېئمەتلەرنىڭ بايانى، قىسىملىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار توغرىسىدا”

ئاللاھ تائالا: «شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز» «3ئال ئىمران-145» دېگەن. ئاللاھ تائالا يەنە: «ئەگەر (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» «4نىسائ-147» دەيدۇ. ۋە يەنە: «مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز» «34سەبەئ-13» دېگەن.

ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلغانلىق سەۋەبلىك زىيادە نېئمەت بېرىدىغانلىقىنى كەسكىن بايان قىلىپ: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: ‹نېئمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر (كۇفرانـى نېئمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلبەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ› دەپ جاكارلىدى» «14ئىبراھىم-7» دېگەن.

لېكىن، ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلسا نېئمەتنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت كۆپ ئىشلارنى بەندىنىڭ ئۆز خاھىشىغا قالدۇرغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پېقىرلىقتىن قورقساڭلار، ئاللاھ خاھلىسا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» «9تەۋبە-28». «ئەگەر ئاللاھ خاھلىسا، سىلەر ئاللاھنىڭ كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان بالانى ئاللاھ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى قىلىۋالغىنىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر» «6ئەنئام-41». «ئاللاھ خاھلىغان كىشىگە رىزىق بېرىدۇ» «2بەقەرە-212». «ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھلارنى خاھلىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ» «4نىسائ-48، 116». «ئاللاھ خاھلىغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ» «9تەۋبە-15».

ئىبلىس شۈكۈر قىلىشنىڭ قەدر-قىممىتىنى بىلگەن چاغدا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەيىبلەپ: «ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېئمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن» «7ئەئراف-17» دېگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامدا تۇرۇپ، ئىككى تاپىنى يېرىلىپ كەتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: — ئاللاھ تائالا سىزنىڭ «ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭىزنى مەغپىرەت قىلغان» «48فەتىھ-2» تۇرۇقلۇق، مۇشۇنداق ئىبادەت قىلامسىز؟ — دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: — مەن «شۈكۈر قىلغۇچى بەندە» «17ئىسرا-3» بولمايمەنمۇ؟! — دېگەن ئىدى.

مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا دېدىكى: «مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، سەن: ‹ئى ئاللاھ! ماڭا سېنى زىكىر قىلىشقا، ساڭا شۈكۈر قىلىشقا ۋە ساڭا گۈزەل ئىبادەت قىلىشقا ياردەم بەرگىن› دېگىن».

پەسىل: شۈكۈر قىلىشنىڭ چەك-چېگراسى ۋە ھەقىقىتى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: شۈكۈر قىلىشنىڭ چەك-چېگراسى ۋە ھەقىقىتى توغرىسىدا”

شۈكۈر قىلىش قەلب، تىل ۋە باشقا ئەزالار بىلەن بولىدۇ:

قەلب بىلەن شۈكۈر قىلىشقا كەلسەك، بۇ ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىش ۋە بارلىق كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنى ئىزدەش بىلەن بولىدۇ.

ئەزالار بىلەن شۈكۈر قىلىشقا كەلسەك، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش، ئۇنىڭ نېئمەتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشتىن يىراق بولۇش بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن، كۆرگەن ھەرقانداق ئەيىبنى يېپىش ئىككى كۆزنىڭ شۈكرىسىدۇر. مۇسۇلمان ھەققىدە ئاڭلىغان ھەرقانداق ئەيىبنى يوشۇرۇش ئىككى قۇلاقنىڭ شۈكرىسىدۇر. مانا بۇلار ئەزالارنىڭ شۈكۈر قىلىشىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

تىل بىلەن شۈكۈر قىلىش بولسا، ئاللاھ تائالادىن رازى بولغانلىقىنى ئاغزاكى سۆزلەش بولۇپ، ئىنسان بۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغاندۇر.

رەسۇلۇللاھ: «نېئمەتلەرنى تىلغا ئېلىش شۈكۈردۇر، تىلغا ئالماسلىق كۇفۇرلۇقتۇر» دېگەن.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەنسارلاردىن ئىككى ئادەم ئۇچرىشىپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىگە: — تىنچ قوپۇپسەنمۇ؟ — دېگەندە، يەنە بىرى: — ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسەنالار بولسۇن، — دېگەن. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇشۇنداق دەڭلار» دېگەن.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سالام قىلغانىدى، ئۆمەر ئۇنىڭغا سالام قايتۇردى، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: — تىنچ قوپۇپسەنمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ: — ساڭا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسەنا ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر: «ھەببەللى، مەن مۇشۇنداق جاۋاب بېرىشىڭنى خاھلىغان ئىدىم» دېدى.

سەلەف-سالىھلار بىر-بىرىدىن ئەھۋال سورايتتى، ئۇلار ئەھۋال سوراش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا بولغان شۈكۈرانىسىنى نامايان قىلىشاتتى. بۇ ئارقىلىق شۈكۈر قىلغۇچىمۇ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغۇچى، سۆزلەشنى تەلەپ قىلغۇچىمۇ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغۇچى بولاتتى.

ئەبۇ ئابدۇرراھمان ھۇبۇلىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە سالام قىلسا ۋە «تىنچ قوپتۇڭمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا ئۇ ئادەم: «ساڭا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسەنا ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېسە، ئۇنىڭ سول تەرىپىدىكى پەرىشتە ئوڭ تەرىپىدىكى پەرىشتىگە: — ئۇنى قانداق يازىسەن؟ — دەيدۇ. ئۇ پەرىشتە: — ئۇنى ھەمدۇسەنا ئېيتقۇچىلار قاتارىدا يازىمەن، — دەيدۇ.

ئەبۇ ئابدۇرراھماندىن: «تىنچ قوپتۇڭمۇ؟» دەپ سورالسا، ئۇ: «ساڭا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسەنا ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دەيتتى.

ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى يامان كۆرىدىغان نەرسىلەردىن ئايرىش توغرىسىدا

بۆلۈم: “ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى يامان كۆرىدىغان نەرسىلەردىن ئايرىش توغرىسىدا”

شۇنى بىلگىنكى، شۈكۈر قىلىش ۋە نېئمەتكە كۇفۇرلۇق قىلماسلىق پەقەت ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن نەرسىنى بىلىش ئارقىلىقلا تاماملىنىدۇ. چۈنكى، شۈكۈرنىڭ مەنىسى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئورۇنلارغا ئىشلىتىشتۇر. كۇفرانـى نېئمەتنىڭ مەنىسى شۈكۈرنىڭ ئەكسىچە، نېئمەتتىن پايدىلانماسلىق ياكى ئاللاھ تائالا يامان كۆرىدىغان ئورۇنغا ئىشلىتىشتۇر.

ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى يامان كۆرىدىغان نەرسىلەردىن ئايرىشنىڭ ئىككى يولى باردۇر:

بىرىنچىسى: ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئىبارەت نەقلىي دەلىللەر.

ئىككىنچىسى: قەلبنىڭ كۆرۈشى، يەنى ئىبرەت ئېلىش نەزەرى بىلەن قاراشتۇر. بۇ ناھايىتى تەرس ۋە كەم ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار ئارقىلىق مەخلۇقاتلارغا يوللارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. بۇنى بىلىش بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تامامىنى بىلىش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. كىمكى بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمىسە، شۈكۈر قىلىش ھەققىنى ئەسلا ئادا قىلالمايدۇ.

ئىبرەت ئېلىش نەزەرى بىلەن قاراش بولغان ئىككىنچىسىگە كەلسەك، ئۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىدىكى ھېكمىتىنى بىلىشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ھېكمەتنىڭ ئارقىسىدا بىر مەقسەت بار بولۇپ، ئەنە شۇ مەقسەت ياخشى كۆرۈلگۈچىدۇر.

شۇ ھېكمەت «ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھېكمەت» دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ:

ئاشكارا ھېكمەت كائىنات دۇنياسىغا ئوخشاشتۇر، قۇياشنى يارىتىشتىكى ھېكمەت كۈندۈز ۋە كېچىنىڭ ھاسىل بولۇشىدۇر. شۇ ئارقىلىق خۇددى ئاللاھ تائالا: «كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق» «78نەبەئ-11» دەپ ئېيتقاندەك، كۈندۈز تىرىكچىلىك ۋاقتى، كېچە بولسا بەدەنگە راھەتلىك ۋاقتىدۇر. بۇ ئارقىلىق يورۇقلۇقتا ھەرىكەت قىلىش ئاسان بولىدۇ، كېچە ۋاقتى بولسا جىمجىتلىق چۆكىدۇ. بۇ قۇياشنى يارىتىشتىكى ھېكمەتلەر ھەممىسى ئەمەس، بەلكى بىر قىسمىدۇر. يامغۇر بۇلۇتلىرى ۋە يامغۇر يېغىشتىكى ھېكمەتلەرنى بىلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

يۇلتۇزلارنى يارىتىشتىكى ھېكمەتلەرگە كەلسەك، ئۇ ھېكمەتلەر بارلىق مەخلۇقاتلار بىلىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە يوشۇرۇندۇر. بەزى كىشىلەر ئۇلارنى يارىتىشتىكى بەزى ھېكمەتلەرنى بىلەلەيدۇ. مەسىلەن: يۇلتۇزلارنىڭ ئاسمانغا زىننەت بولغىنىغا ئوخشاش ھېكمەتلەر.

كائىنات دۇنياسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھېچبىرى ھېكمەتتىن خالىي ئەمەستۇر. بۇ ھەقتە بىز بىر مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز، ئۇ بولسا ئالتۇن ۋە كۈمۈشتۇر:

ئاللاھ تائالا ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟ ئۇلارنى يارىتىشتا نېمە مەقسەت بار؟

شۇنى بىلگىنكى، ئالتۇن بىلەن كۈمۈش تاش جۈملىسىدىن بولغان بىر تاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىدە ھېچبىر پايدا يوقتۇر. كىشىلەر ئەگەر ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ئۆز قوللىرىدا كۆرمىگەن بولسا، ئۇلار ئەقىق ۋە پىروزا تاشلارغا ئوخشاش بولغان بولاتتى. لېكىن، ئاللاھ تائالا ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى كىشىلەر دۇنيادىكى باشقا ماللارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ھاكىم ۋە ۋاسىتە قىلدى. شۇنىڭدەك، بۇ پۇللار كىشىلەر ئارىسىدا ماللارنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان بىر تارازىدۇر. شۇڭا، ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ ئۆزىدە بىر مەنپەئەت ۋە خاس مەقسەت بولماستىن، بەلكى ئۇ بارلىق نەرسىلەرنىڭ مەقسىتىگە يېتىدىغان بىر ۋاسىتىدۇر.

ئەگەر بىر كىشى ئالتۇن ياكى كۈمۈشنى بىر پۇل قىلىپ ئىشلەتمەي يوشۇرۇپ، يەر ئاستىغا كۆمۈپ قويسا ياكى ساندۇققا سولاپ ساقلىسا، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى يارىتىشتىكى ھېكمىتىگە زۇلۇم قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە كۇفۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، پۇللارنى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان ھاكىملىق ۋەزىپىسىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنى تۈرمىگە تاشلىغان كىشىگە ئوخشايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: «ئالتۇن-كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن!» «9تەۋبە-34» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

بۇنىڭغا بىنائەن، ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەردە يەپ-ئىچىش ئۈچۈن قاچا ياسىغان ھەرقانداق كىشى تىللا ۋە تەڭگەدىكى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتىگە كۇفۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، تەڭگە-تىللالاردا يەپ-ئىچىش ئۈچۈن قاچا ياسىغان كىشى ئالتۇن-كۈمۈشنى يىغىپ ساقلىغان كىشىگە قارىغاندا يامان ئەھۋالدىدۇر.

بۇ، مىسالى شەھەر ھاكىمىنى رەخت توقۇش، تازىلىق قىلىش ۋە ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر قىلىدىغان ئىشلارغا سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى، تۆمۈر، مىس، ساپال ياكى باشقا قاچىلار سۇيۇقلۇقلارنى ساقلاشتا ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىلارنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. ئۇلار ئەسلا ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە تەڭ كەلمەيدۇ ۋە قىممەت جەھەتتە ئىككىسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، ئەمما سۇيۇقلۇقلارنى ساقلىيالايدۇ. بىراۋغا ئىلاھىي شەپقەت بولغان بۇ ھېكمەت ئايان بولمىسا، ئۇنىڭغا: «كىمكى ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىدا ئىچسە، جەھەننەمنىڭ ئوتى ئۇنىڭ قورسىقىدا گۈركىرەيدۇ» دېيىش كېرەك.

شۇنىڭدەك تەڭگە-تىللالاردا ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلغان كىشى بۇ پۇللارنى ئەسلى مەقسەتتىن يىراقلاشتۇرغان بولىدۇ. بۇ بولسا تەڭگە-تىللالارنىڭ يوشۇرۇن ھېكمەتلىرىدىندۇر.

شۇڭا، شۈكرانى نېئمەت ياكى كۇفرانـى نېئمەت قىلىشنى بۇ مىسال بىلەن ئۆزۈڭ سادىر قىلغان ھەرىكەت قىلىش ياكى جىم تۇرۇش، سۆزلەش ياكى سۈكۈت قىلىش قاتارلىق ھەممە ئىشلىرىڭدا شۈكۈر قىلدىممۇ ياكى كۇفۇرلۇق قىلدىممۇ؟ دەپ ئۆلچىشىڭ ۋە ئۇ ئىشلارنىڭ بەزىسىنى يامان كۆرۈش، بەزىسىنى چەكلەش بىلەن ئېتىبارغا ئېلىشىڭ كېرەك.

شۇنىڭ جۈملىسىدىن يەنە، ئاللاھ تائالا ساڭا ئىككى قول بەردى. ئىككى قولنىڭ بىرىنى يەنە بىرسىدىن كۈچلۈك قىلدى، كۈچلۈك قول زىيادە كۈچى سەۋەبلىك يەنە بىر قولدىن ئۈستۈن بولدى. ساڭا ئىككى قول بەرگەن زات سېنى ئەمەللەرنى قىلىشقا موھتاج قىلدى. ئۇ ئەمەللەرنىڭ بەزىسى قۇرئاننى كۆتۈرۈشكە ئوخشاش شەرەپلىك، يەنە بەزىسى نىجاسەتنى تازىلاشقا ئوخشاش پەس ئەمەلدۇر. سەن قۇرئاننى سول قول بىلەن تۇتساڭ، نىجاسەتنى ئوڭ قول بىلەن تازىلىساڭ، ئىككى قولنى تامامەن ئەكسىچە ئىشلەتكەن بولىسەن ۋە شەرەپلىك قولنى پەس ئىشقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولىسەن.

شۇنىڭدەك ئۆتۈك كىيگەندە، سول پۇتۇڭغا باشتا كىيسەڭ، ئوڭ پۇتۇڭغا زۇلۇم قىلغان بولىسەن. چۈنكى، ئۆتۈك پۇتنى قوغدايدىغان نەرسىدۇر. باشقىلارنى بۇنىڭغا قىياس قىلغىن.

شۇنىڭدەك يەنە دەيمىزكى: مۇھىم بىرەر ھاجىتى ياكى ھەق بىر غەرەزسىزلا دەرەختىن بىر تال شاخنى سۇندۇرغان كىشى دەرەخلەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى ھېكمەتكە قارشى ئىش قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، دەرەخلەر مەنپەئەت ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئەگەر توغرا بىر غەرەز ئۈچۈن دەرەخ شېخىنى سۇندۇرغان بولسا ھېچقىسى يوق. ئەگەر باشقىلارنىڭ مۈلكىدىكى دەرەخنى موھتاج بولۇپ سۇندۇرغان بولسىمۇ، ئۇنداق كىشى زالىمدۇر. دەرەخ ئىگىسى سۇندۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان بولسا ئۇنداق بولمايدۇ.

ئىزاھاتلار:

  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4837)؛ مۇسلىم (2820). ئائىشە ۋە مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
  • سەھىھ: ئەھمەد (22179)؛ ئەبۇ داۋۇد (1522)؛ نەسائىي (1236). مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار («مىشكاتۇلمەسابىھ»، 949) «سەھىھ» دېگەن.
  • سەھىھ: ئەھمەد (18472)؛ بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 4105). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار («سەھىھۇلجامىئ»، 3014) «سەھىھ» دېگەن.
  • بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 4135) ئىسھاق ئىبنى ئابدۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان، مۇرسەلدۇر.
  • ئىمام بۇخارىي («ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، 1132)؛ بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 4136). ئالبانىي («سەھىھۇل ئەدەبىل مۇفرەد»، 473) «سەھىھ» دېگەن.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5634)؛ مۇسلىم (2065). ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.

پەسىل: نېئمەتلەرنىڭ بايانى، ھەقىقىتى ۋە قىسىملىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: نېئمەتلەرنىڭ بايانى، ھەقىقىتى ۋە قىسىملىرى توغرىسىدا”

شۇنى بىلگىنكى، ھەرقانداق تەلەپ قىلىنىدىغان نەرسە «نېئمەت» جۈملىسىدىندۇر. لېكىن، ھەقىقىي نېئمەت ئاخىرەتتىكى بەخت-سائادەتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقىسىنى نېئمەت دەپ ئاتاشمۇ دۇرۇستۇر. بارلىق نەرسىلەر بىزگە نىسبەتەن تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ:

بىرىنچى قىسىم: ئىلىم ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئوخشاش دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تامامەن پايدىلىق بولغان نەرسە. بۇ ھەقىقىي نېئمەتتۇر.

ئىككىنچى قىسىم: دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تامامەن زىيانلىق بولغان نەرسە، ئۇ ھەقىقەتتە بالا-قازادۇر.

ئۈچىنچى قىسىم: لەززەت ئېلىش ۋە شەھۋەتلەرگە ئەگىشىشكە ئوخشاش ھازىرقى ھالىتىدە پايدا بېرىدىغان، ئاخىرەتتە زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسە. ئۇ بولسا ئەقىل ئىگىلىرى قارىشىدا بالا-مۇسىبەتتۇر. جاھىل كىشى ئۇنى نېئمەت دەپ ئويلايدۇ. ئۇ، بەئەينى ئاچ قالغان ئادەم زەھەر سېلىنغان ھەسەلنى تاپسا، زەھەر بارلىقىنى بىلمىسە ئۇنى نېئمەت سانىغانغا، زەھەر بارلىقىنى بىلسە ئۇنى بالا-مۇسىبەت سانىغانغا ئوخشايدۇ.

تۆتىنچى قىسىم: شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە زىيانلىق، ئاخىرەتتە پايدىلىق نەرسە. بۇ ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ قارىشىدا نېئمەت، نادانلارنىڭ نەزەرىدە بالا-مۇسىبەتتۇر. مەسىلەن، نەق تېتىغاندا بەك ئاچچىق، ئىچكەن كېسەللەرگە كېلەچەكتە شىپا بولىدىغان دورا كەبى. نادان بالىغا بۇنداق دورىنى ئىچىش تەكلىپ قىلىنسا، ئۇنى بالا-مۇسىبەت دەپ ئويلايدۇ، ئاقىل كىشى بولسا ئۇنى نېئمەت سانايدۇ.

شۇنىڭدەك بىر سەبىي ئۈچۈن لوڭقا قويۇپ قان ئېلىش شەرت بولسا، ئاتا ئاقىۋەتتە بالىسىنىڭ كېسىلىنىڭ شىپا تېپىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ بالىسى ئۈچۈن لوڭقا قويۇپ قان ئېلىشقا قوشۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ. ئانا بولسا لوڭقا قويۇپ قان ئېلىشتىكى مەنپەئەتنى بىلمىگەنلىكى، بالىسىغا بولغان مۇھەببىتى ۋە شەپقىتى قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن بالىسىغا قىيالمايدۇ ۋە بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. بالا ھەقىقەتنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئانىسىنىڭ شەپقىتىگە ئېسىلىدۇ، دادىسىغا ئەمەس، ئانىسىغا يېپىشىدۇ ۋە دادىسىنى يامان كۆرىدۇ. ئەگەر سەبىي چۈشەنسە ئىدى، ئەلبەتتە ئانىسىنىڭ «ياخشىلىق قىلىمەن» دەپ يامانلىق قىلغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى، ئانىسىنىڭ ئۇنى لوڭقا قويۇپ قان ئېلىشتىن ساقلىشى ئۇنىڭ ئاغرىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، جاھىل دوست ئەقىللىق دۈشمەندىن ياماندۇر. ھەربىر كىشى نەپسىنىڭ دوستىدۇر. لېكىن، نەپس جاھىل دوستتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، دۈشمەن قىلمىغان ئىشنى نەپس قىلىدۇ.

پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئۆزئارا باغلىنىشلىق ۋە بىھېساب ئىكەنلىكى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئۆزئارا باغلىنىشلىق ۋە بىھېساب ئىكەنلىكى توغرىسىدا”

شۇنى بىلگىنكى، نېئمەتلەر ئۆز ئەسلىدە تەلەپ قىلىنغۇچى غايە بولغان نېئمەت ۋە غايە ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان نېئمەتكە بۆلىنىدۇ.

غايە بولسا ئاخىرەتتىكى بەخت-سائادەت بولۇپ، بۇ بەخت-سائادەتنى ھاسىل قىلغۇچىلار تۆتتۇر. ئۇلار: پايانى يوق باقىيلىق، غەم-قايغۇسىز خۇشاللىق، بىلىمسىزلىك بولمىغان ئىلىم ۋە موھتاجلىق بولمايدىغان دەرىجىدە بىھاجەتلىكتىن ئىبارەتتۇر. مانا بۇ ھەقىقىي بەخت-سائادەتتۇر.

غايە ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان نېئمەت بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بەخت-سائادەتكە ۋاسىتە بولىدىغان نېئمەتلەردۇر. ئۇلار تۆت قىسىم ئېرۇر:

  1. ئەۋۋەلا: ئىمان ئېيتىش ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئوخشاش نەپسنىڭ پەزىلەتلىرى.
  2. ئىككىنچى: كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ساقلىققا ئوخشاش بەدەننىڭ پەزىلەتلىرى.
  3. ئۈچىنچى: مال-مۈلك، يۈز-ئابروي ۋە بالىچاقىغا ئوخشاش بەدەننى ياخشىلايدىغان نېئمەتلەر.
  4. تۆتىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايەت قىلىشى، يول كۆرسىتىشى، توغرا يولغا باشلىشى ۋە تەۋپىق بېرىشىگە ئوخشاش يۇقىرىقى ئىشلارنى رويابقا چىقىرىشتا ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىغان ئىلاھىي نېئمەتلەر.

بۇلار بولسا تۈگىمەس ۋە ھېسابسىز نېئمەتلەردۇر. ھالبۇكى، ئىنسان تەلەپ قىلىشقا لايىق بولمىغان نەرسىنى شۇ نەرسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك نېئمەت ئەمەس دەپ گۇمان قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىنسان ئۆزىگە قانچە كۆپ نەرسە بېرىلسىمۇ پەرىشتىلەردەك ئۇچۇشنى، ياكى ئۆلمەسلىكنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر كىشى يۇقىرىقى تۆت نېئمەتكە تولۇق ئېرىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن نېئمەتكە تامامەن ئېرىشكەن بولىدۇ.

بۇ نېئمەتلەرنى يورۇتۇش ئۈچۈن بەدەندىكى نېئمەتلەردىن بىرەر مىسال كۆرسىتەيلى:

ئاللاھ تائالا ئىنساننى يوقلۇقتىن بار قىلدى، ئۇنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتتى. ئۇنىڭغا سېزىم ۋە ھەرىكەت قوراللىرىنى بەردى. ئاندىن ئىنساننىڭ بەدىنىنى تاشقى ۋە ئىچكى ئەزالارغا بۆلدى.

ئىنساننىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە قارىغىن: ئەگەر ئىنسان ئاچ قالسا، يېمەكلىكنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆز، ئۇنىڭ ھىدىنى پۇراش ئۈچۈن بۇرۇن، يېمەكلىك ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن قۇلاق، يېمەكلىكنىڭ تەمنى تېتىپ بىلىش ئۈچۈن تىل يارىتىلمىغان بولسا، ئىنسان يېمەكلىكنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيتتى؟!

ھايۋانلاردا تېتىش سېزىمى ۋە ئاڭلاش قابىلىيىتى بار، ئەمما ئاللاھ تائالا ئىنساننى باشقا بىر سۈپەت بىلەن مۇكاپاتلىدى، ئۇ سۈپەت بارلىق سۈپەتلەردىن شەرەپلىك بولغان ئەقىلدۇر. ئەقىل بىلەن يېگۈلۈكلەر، ئۇلارنىڭ پايدىلىرى ۋە زىيانلىق تەرەپلىرىنى بىلىش مۇمكىن. ئەقىل بىلەن ئاش-تائاملار تەييارلىنىدۇ، ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلىدۇ. ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن يېمەك يېيىشتە ئەقىلدىن پايدىلىنىلىدۇ. بۇ ئەقىلنىڭ پايدىلىرىنىڭ ئەڭ ئەدناسىدۇر. ئەقىلدىكى ئەڭ چوڭ ھېكمەت بولسا ئاللاھ تائالانى تونۇشتۇر.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاشكارا بەش سەزگۈ ئەزا پەقەت قىسمىي سەزگۈ ئەزالاردۇر. بىزنى سەزگۈ ئەزالارنى تولۇق بايان قىلدى، دەپ ئويلىمىغىن. كۆرۈش قۇۋۋىتى سەزگۈ ئەزالاردىن بىر ئەزادۇر. كۆز بولسا ئۇنىڭ قورالىدۇر. كۆز بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئون تەبىقىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇ تەبىقىلەرنىڭ بەزىسى ھۆل، بەزىسى ھەرخىل پەردىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئون تەبىقىنىڭ ھەربىرىنىڭ بىر خىل سۈپىتى، سۈرىتى، شەكلى، ھالىتى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە بىرىكىشى بار. ئەگەر بۇ تەبىقىلەردىن بىر تەبىقە قالايمىقانلاشسا ياكى ئۇنىڭدىكى بىر تەرتىپ قالايمىقانلاشسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى قالايمىقانلىشىدۇ-دە، بارلىق تېۋىپلار ئۇنى داۋالاشتىن ئاجىز كېلىدۇ. بۇ پەقەت بىر سەزگۈ ئەزادىكى نېئمەتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قۇلاق ۋە باشقا سەزگۈ ئەزالاردىكى نېئمەتلىرىنى بۇنىڭغا قىياس قىلغىن! ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نېئمەتلىرىنى بايان قىلماق ئۈچۈن توم-توم كىتابلارنى يازساقمۇ، يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا، پۈتۈن بەدەندىكى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى قانداقمۇ يېزىپ بولغىلى بولسۇن؟!

ئاندىن كېيىن ئىستەك، ماغدۇر ۋە تەنھەرىكەت قوراللىرى بولغان تۈرلۈك نېئمەتلەرنىڭ يارىتىلىشىغا قارىغىن. ئەگەر ئاللاھ تائالا تاماقنى كۆرۈپ بىلىش ئۈچۈن كۆزنى يارىتىپ، ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن تاماققا قارىتا ئىشتىھا ياراتمىغان بولسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەلبەتتە بىھۇدە بولغان بولاتتى. نۇرغۇن بىمارلار باركى، ئۆزىگە ئەڭ پايدىلىق تاماقنى كۆرىدۇ، لېكىن كۆڭلى تارتمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يېمەيدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا يېمەك يېيىش ئىشتىياقىنى ياراتتى ۋە كىشىنى غىزا يېيىشكە مەجبۇرلايدىغان بىر ئىستەكنى ئۇنىڭغا ھۆكۈمران قىلدى. ئەگەر بۇ ئىستەك مەلۇم مىقداردا تاماق يېيىش بىلەن بېسىلمىسا، كىشى تاماقنى كۆپ يەپ، ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا قورساق تويغان چاغدا يېمەك يېيىشتىن توختىشى ئۈچۈن، ئىنساندا تاماقتىن زېرىكىش تەبىئىتىنى ياراتتى. ئىنسان نەسلىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن جىنسىي شەھۋەت ھەققىدىمۇ يۇقىرىقىدەك بايانلارنى قىلىش مۇمكىن.

كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ھەرىكەت ئەزالىرىنى يارىتىشتىكى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ھەرىكەت ئەزالىرىنى يارىتىشتىكى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى توغرىسىدا”

ئاندىن ئاللاھ تائالا تاماق يېيىش ۋە باشقا نەرسىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچى ئەزالارنى ياراتتى. ئىككى قول شۇ جۈملىدىن بولۇپ، قوللار تاياقتەك تۇرسۇن ئەمەس، بەلكى ھەر تەرەپكە ھەرىكەت قىلىشى، سوزۇلۇشى ۋە قاتلىنىشى ئۈچۈن نەچچە بوغۇم قىلىپ يارىتىلغاندۇر.

ئاللاھ تائالا ئالقاننى كەڭرى قىلىپ، ئۇنى بەش بارماققا بۆلدى. ئۇ بارماقلارنى ئوخشىمىغان ئۇزۇن-قىسقىلىقتا ياراتتى ۋە ئۇنى ئىككى سەپكە ئايرىدى. باش بارماق بىر تەرەپتە بولۇپ، قالغان تۆت بارماقنىڭ ئۈستىدىن ئايلىنىدۇ. ئەگەر بارماقلار بىر سىزىق ئۈستىدە، بىرى بىرىنىڭ ئۈستىدە بولغان بولسا، مەقسەت تولۇق ھاسىل بولمىغان بولاتتى. ئاندىن ئاللاھ تائالا بارماقلارنىڭ ئۇچلىرى كۈچلۈك بولسۇن ئۈچۈن ۋە بارماقلار ئالالمايدىغان بەزى نازۇك شەيئىلەرنى ئېلىشى ئۈچۈن بارماقلارنىڭ ئۇچىغا تىرناقلارنى ياراتتى.

پەرەز قىلغىنكى، سەن قولۇڭ بىلەن تاماقنى ئالدىڭ، ئەمما تاماق قورساققا كىرمىگۈچە ساڭا كۇپايە قىلمايدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا كىشىگە ئېغىز ۋە ئىككى جاغ سۆڭىكىنى ياراتتى. جاغ سۆڭىكىگە چىشلارنى تىزدى ۋە چىشلارنى لوقمىلارغا كۆرە ئۈزگۈچى ئوتتۇرا چىشلار، يىرتقۇچى قوزۇق چىشلار، ئەزگۈچى ئېزىق چىشلار شەكلىدە بىرنەچچە قىسىمغا بۆلدى. ئاللاھ تائالا ئاستىن جاغنى ھەرىكەتچان قىلىپ ياراتتى، ئۈستۈن جاغنى بولسا مۇقىم تۇرىدىغان قىلدى. ھەيھات! ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىش ئاجايىباتلىرىغا قارىغىن! ئىنسانلار ياسىغان تۈگمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاست تېشى ھەرىكەت قىلماي مۇقىم تۇرىدۇ، ئۈست تاش ئايلىنىدۇ. لېكىن، ئاللاھ ياراتقان ئېغىزدىن ئىبارەت بۇ تۈگمەندە دەل ئەكسىچە. ھالبۇكى، ئۈستۈن جاغ مېڭىگە يېقىن بولغاچقا، ئۇ ھەرىكەت قىلسا مېڭىگە زىيان يېتەتتى.

ئاندىن تاماقنى چايناش جەريانىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرۇش، خۇددى گۈرجەك دانلارنى تۈگمەن تېشىنىڭ ئاستىغا ئىتتىرگەندەك تاماقنى چىشنىڭ ئاستىغا سۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن تىلنى ياراتتى. ئەگەر تىل تاماقنى چايناۋاتقاندا ھۆل قىلىپ تۇرىدىغان شۆلگۈيى بولمىسا، ئۇنى گال تەرەپكە ئىتتىرەلمەيسەن ۋە يۇتالمايسەن. قارىغىنكى، ئاللاھ تائالا شۆلگەي ئىشلەپچىقىرىپ تۇرىدىغان ۋە چاينىغان تاماققا ھاجەت مىقدارىدا تۆكۈلىدىغان بىر بۇلاقنى ياراتتى.

ئاندىن ئېغىز ئىچىدە يۇغۇرۇلغان، ئېزىلگەن بۇ تاماقنى ئاشقازانغا كىم يەتكۈزىدۇ، ئۇنى ئاشقازانغا قول بىلەن يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئاللاھ تائالا قىزىلئۆڭگەچ ۋە بوغۇزنى تەييارلىدى. ئۇنىڭ باشلانغۇچىنى تاماقنى يۇتۇش ئۈچۈن ئېچىلىدىغان، يۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئېتىلىدىغان ۋە تاماقنى يۇمىلىتىش ئۈچۈن بىرنەچچە قەۋەت قىلدى. ئاندىن تاماق قىزىلئۆڭگەچ كارىدورىدىن ئاشقازانغا چۈشىدۇ.

تاماق قۇرۇق نان، مېۋە-چېۋە ھالەتتە ئاشقازانغا كېلىدۇ، ئۇ مۇكەممەل ھەزىم قىلىنغاندىلا گۆش، سۆڭەك ۋە قانغا ئايلىنىشى مۇمكىندۇر. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئاشقازاننى ئىچىگە تاماق چۈشىدىغان قازان كەبى قىلدى. تاماق ئاشقازاننىڭ ئىچىگە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاشقازاننىڭ تۇۋىقى يېپىلىدۇ. تاماق ئاشقازان ئىچىدە تۆت ئەزادىن ئۆتىدىغان ئىسسىقلىق بىلەن ھەزىم قىلىنىدۇ. تۆت ئەزا بولسا: ئوڭ تەرەپتىن جىگەر، سول تەرەپتىن تال، ئالدى تەرەپتىن ئاشقازان، ئۈچەي ۋە جىگەرنى قاپلىغان نېپىز ياغ ۋە كەينى تەرەپتىن ئومۇرتقا گۆشىدىن ئىبارەت. تاماق ھەزىم قىلىنىپ تومۇرلارغا ئۆتۈشكە لايىق، بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان سۇيۇق ماددىغا ئايلىنىدۇ. ئاندىن تاماق تومۇرلاردىن جىگەرگە تۆكۈلۈپ، يەنە بىر قېتىم ھەزىم قىلىنغۇچە جىگەردە توختايدۇ. ئاندىن باشقا ئەزالارغا تارقىلىدۇ. ئاخىرىدا قالدۇق چۆكمە قالىدۇ. ئاندىن قالدۇق چۆكمىلەرمۇ يوقىلىدۇ. ئەگەر بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي سۆزلىمەكچى بولساق گەپ بەك ئۇزىراپ كېتىدۇ.

ئىنساندا ساناقسىز مۇسكۇل ۋە تومۇرلار بار. بۇ مۇسكۇل-تومۇرلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئىنچىكە-توملۇقى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بىر ھېكمەت بار. ئەگەر شۇلاردىن بىر تال تومۇر ھەرىكەتتىن توختاپ قالسا، يا جىم تۇرىدىغان مۇسكۇل ھەرىكەت قىلسا — ئەي بىچارە ئىنسان — سەن ئەلبەتتە ھالاك بولاتتىڭ.

شۈكۈر قىلىشتا بەردەم بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۈستۈڭدىكى نېئمەتلىرىگە قارا! ھالبۇكى، سەن ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىدىن پەقەت ئەڭ تۆۋەن بولغان يېيىش نېئمىتىنىلا بىلىسەن. بىلگىنىڭ، ئۇ ئارقىلىق قورسىقىڭ ئاچقاندا تاماق يەيسەن خالاس. ھايۋانمۇ ئاچ قالسا يېيىشنى، چارچىسا ئۇخلاشنى ۋە كۆڭلى تارتسا جۈپلىشىشنى بىلىدۇ. كىشىنىڭ نەفسى پەقەت ئېشەك بىلگەننى بىلسە، ئاللاھ تائالاغا قانداق شۈكۈر بەجا كەلتۈرىدۇ؟!

بىز ئىخچامغىنا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن بۇ نېئمەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەت دېڭىزلىرىدىن بىر تامچىدۇر. باشقا نېئمەتلەرنى بۇنىڭغا قىياس قىلغىن.

بىز ۋە جىمى مەخلۇقاتلار بىلگەن ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى بىلمىگەنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا دېڭىزدىن بىر تامچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر» «14ئىبراھىم-34»؛ «16نەھل-18».

ئىزاھاتلار:

  • بۇخارىي (6412). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
  • ئەھمەد (17716)؛ تىرمىزىي (2330). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1836) «سەھىھ» دېگەن.

پەسىل: يېمەكلىكلەر ھاسىل بولىدىغان مەنبەلەردىكى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: يېمەكلىكلەر ھاسىل بولىدىغان مەنبەلەردىكى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى توغرىسىدا”

يېمەكلىكلەر ناھايىتى كۆپ تۈرلۈك ۋە خىلمۇخىلدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە ساناقسىز ئاجايىباتلار مەۋجۇدتۇر. يېمەكلىكلەر بولسا ئاشلىقلار، دورىلار، مېۋە-چېۋىلەر ۋە باشقىلارغا بۆلىنىدۇ.

ئاشلىقلار ھەققىدە سۆزلىسەك: قولۇڭدا بىرئاز بۇغداي بولسا، ئەگەر ئۇنى يېسەڭ، بۇغداي تېزلا تۈگەپ، ئاچ قالىسەن. شۇڭا، يېتەرلىك بۇغدىيىڭ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ بۇغداينى ئۆستۈرىدىغان ۋە ھەسسىلەپ كۆپەيتىدىغان بىر ئىشنى قىلىشقا نېمىدېگەن موھتاجسەن — يەنى ئۇنى تېرىشقا موھتاجسەن! تېرىش دېگىنىمىز: بۇغداي ئۇرۇقىنى تاۋلانغان زېمىنغا چېچىشتۇر. سۇ ۋە تۇپراق بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇرۇق نەم، ئەمما قاتتىق زېمىنغا تېرىلسا، ھاۋا بولمىغان تەقدىردە يەنىلا ئۈنمەيدۇ. شۇڭا، ئۇرۇقنى ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يۇمشاق زېمىنغا تېرىش لازىم بولىدۇ.

ھاۋا ئۆزلۈكىدىن زېمىنغا سىڭىپ كىرەلمەيدۇ. ھاۋا ئۇرۇققا ئۆتۈشى ئۈچۈن ھاۋانى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ۋە ھاۋانى مەجبۇرىي زېمىن ئۈستىدىن ماڭدۇرىدىغان شامال بولۇشى لازىم. بۇلار بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئەتىياز ۋە يازنىڭ ئىسسىقلىقى بولۇشى لازىم. چۈنكى، زىيادە سوغۇقتا ئۇرۇق ئۈنمەيدۇ.

ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ زىرائەت موھتاج بولىدىغان سۇنى قانداق ياراتقانلىقىغا قارىغىن! بۇلاقلارنى ۋە دەريالارنى قانداق ئاققۇزغانلىقىغا قارىغىن! بەزى سۇ يەتمەيدىغان تۆپىلىك زېمىنلارغا ئاللاھ يامغۇرلۇق بۇلۇتلارنى ئەۋەتىدۇ. بۇلۇتلارغا شاماللار ئەۋەتىپ ئۇنى زېمىننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا ھەيدەيدۇ. ئۇلار بولسا ئېغىرلاشقان يامغۇر بۇلۇتلىرىدۇر. ئاندىن ئاللاھ تائالا يامغۇرنى كېرەكلىك ۋاقتىدا زېمىنغا ياغدۇرىدۇ.

قارىغىنە، ئاللاھ تائالا تاغلارنى قانداق قىلىپ سۇ ساقلىغۇچى قىلغان! تاغلاردىن بۇلاقلار توختاۋسىز تەپچىرەپ ئاقىدۇ. ئەگەر سۇلار تاغلاردىن بىر قېتىمدىلا ئېتىلىپ چىقسا، زېمىن سۇغا غەرق بولۇپ، زىرائەت ۋە باشقا نەرسىلەر ھالاك بولغان بولاتتى.

قارىغىن! ئاللاھ تائالا زېمىندىن شۇنچە يىراق بولغان قۇياشنى قانداق ياراتقان ۋە بويسۇندۇرغان! سوغۇق ۋە ئىسسىق ئېھتىياجىغا بىنائەن قۇياش زېمىننى مەلۇم مۇددەت ئىللىتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاينى ياراتتى. قۇياشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىسسىتىش قىلغاندەك، ئاينىڭ خۇسۇسىيىتىنى نەملەندۈرۈش قىلدى. قۇياش مېۋە-چېۋىلەرنى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىشى بويىچە پىشۇرىدۇ. قۇياش ۋە ئاي بويسۇندۇرۇلغاندەك، ئاسماندىكى ھەرقانداق يۇلتۇز مۇئەييەن بىر مەنپەئەت ئۈچۈن بويسۇندۇرۇلغاندۇر. ھەربىرى ئىنسان ساناپ تۈگىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە كۆپ ھېكمەتلەرگە ئىگە. قۇياش ۋە ئايدا بىز تىلغا ئالغاندىن باشقا يەنە ھېسابسىز ھېكمەتلەر باردۇر.

يېمەكلىكلەر زېمىننىڭ ھەممە يېرىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا سودىگەرلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى مال يىغىشقا ھېرىسمەن قىلدى. ئۇلار مال توپلايدۇ، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتتا مېلى ئۇلارغا ئەسقاتمايدۇ. ماللار يا كېمىلەر بىلەن غەرق بولىدۇ، يا بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن بۇلىنىدۇ، ۋەيا ئۆزلىرى بىرەر شەھەردە ئۆلۈپ قېلىپ، ماللىرىنى ئەمىر-سۇلتانلار ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ماللىرىنى مىراسخورلىرىنىڭ ئېلىشى ئەڭ گۈزەلدۇر. سودىگەرلەر بىلسە، مىراسخورلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىق دۈشمىنىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئارزۇ ۋە غەپلەتنى قانداق مۇسەللەت قىلغانلىقىغا قارىغىن! ئۇلار پايدا ئېلىش ئۈچۈن دېڭىزدا سەپەر قىلىپ قاتتىقچىلىقلارغا، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەرگە يولۇقىدۇ، نەتىجىدە مەشرىق ۋە مەغرىبنىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىدىن يېگۈلۈكلەرنى ۋە تۈرلۈك-تۈمەن كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

كىشىلەرنى شۈكۈر قىلىشتىن قايتۇرغۇچى سەۋەبلەر توغرىسىدا

بۆلۈم: “كىشىلەرنى شۈكۈر قىلىشتىن قايتۇرغۇچى سەۋەبلەر توغرىسىدا”

بىلگىنكى، كىشىلەر بىلىمسىزلىك ۋە غەپلەت يۈزىدىن نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار نېئمەتلەرنى تونۇيالمايدۇ. كىشى نېئمەتلەرنى تونۇغاندىن كېيىنلا شۈكۈر قىلىش ھاسىل بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار نېئمەتنى بىلسە، تىللىرى بىلەن «ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن»، «ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇن» دېسە، «شۇ شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار شۈكۈر قىلىشنىڭ مەنىسىنىڭ نېئمەتنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىرادە قىلىنغان ھېكمەتنى تاماملاش ئۈچۈن ئىشلىتىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

نېئمەتلەردىن غەپلەتتە قېلىشنىڭ بىرنەچچە سەۋەبلىرى بار:

بىرىنچى: كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن ھەر ئەھۋالدا ئىنسانلارغا ئومۇمىي بولغان نەرسىلەرنى نېئمەت دەپ سانىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇ نېئمەتلەر پۈتۈن كىشىلەرگە ئومۇمىيدۇر ۋە ھەر ئەھۋالدا مەخلۇقاتلارغا بېرىلگۈچىدۇر. كىشىگە بىرەر نېئمەت خاس قىلىپ بېرىلمىسە، كىشى ئۇنى نېئمەت ھېسابلىمايدۇ. كىشىلەرنى راھەت ھاۋا ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغان ھالەتتە كۆرمەيسەن. ئەگەر بىراۋنىڭ گېلى سىقىلىپ، ھاۋاسىز قالسا، شۈبھىسىز ئۆلگەن بولاتتى. ئەگەر بىراۋ مۇنچا ياكى بىرەر قۇدۇق ئىچىگە قامىلىپ قالسا، غەم-قايغۇدىن ئۆلۈپ قالغان بولاتتى. ئەگەر بىر كىشى مۇشۇ ئىشلاردىن بىرى بىلەن سىنىلىپ، نىجاتلىققا ئېرىشسە شۇ نېئمەت ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكرانى نېئمەت قىلغان بولاتتى. مانا بۇ بەك نادانلىقتۇر. چۈنكى، بىراۋنىڭ شۈكۈر قىلىشى بەزى ئەھۋاللاردا نېئمەت تارتىپ ئېلىنىپ، ئاندىن قايتۇرۇپ بېرىلىشكە باغلىنىپ قالغاندۇر. دېمەك، ھەممە ئەھۋالدا شۈكرانى نېئمەت قىلىش كېرەك. كۆزى كۆرىدىغان ئادەم قارىغۇ بولۇپ قالغاندىلا ئەسلىدىكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭغا كۆزى قايتۇرۇلۇپ بېرىلسە، نېئمەتنى ھېس قىلىدۇ ۋە شۇ چاغدا نېئمەتنى تونۇپ شۈكرانى نېئمەت قىلىدۇ. بۇنداق كىشى دائىم دۇمبالىنىدىغان ئەسكى قۇلغا ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇ قۇل بىر سائەت ئۇرۇلماي قويۇپ بېرىلسە شۈكۈر قىلىپ، بۇنى خوجايىنىنىڭ بىر ئېھسانى ھېسابلايدۇ. ئۇنى ئەسلا ئۇرماي ئازاد قىلسا ھاكاۋۇرلۇق غالىب كېلىپ شۈكۈر قىلىشنى تەرك ئېتىدۇ. شۇ ئارقىلىق كىشىلەر پەقەت ئاز ياكى كۆپ خاس ماللارغىلا شۈكۈر قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز ئۈستلىرىدىكى بارلىق نېئمەتلىرىنى ئۇنتۇيدۇ.

رىۋايەت

بىر كەمبەغەل ئەھلى ئىلىم بىرىگە يوقسۇللۇقتىن شىكايەت قىلىپ، دەردىنى ئېيتىپتۇ. ئالىم كىشى ئۇنىڭغا: — سەن قارىغۇ بولۇپ قالساڭ، لېكىن ئون مىڭ تەڭگەڭنىڭ بولۇشى سېنى خۇشال قىلامدۇ؟ — دېگەندە، كەمبەغەل كىشى: — ياق، — دەپتۇ. — گاچا بولۇپ قالساڭ، ئەمما ئون مىڭ تەڭگەڭنىڭ بولۇشى سېنى خۇشال قىلامدۇ؟ — ياق. — ئىككى پۇتۇڭ ۋە ئىككى قولۇڭ كېسىلسە، بىراق 20 مىڭ تەڭگەڭ بولسا، بۇ سېنى خۇشال قىلامدۇ؟ — ياق. — ساراڭ بولۇپ قالساڭ، بىراق ئون مىڭ تەڭگەڭنىڭ بولۇشى سېنى خۇشال قىلامدۇ؟ — ياق. شۇنىڭ بىلەن ئالىم: — مانا ئىلكىڭدە 50 مىڭ تەڭگىلىك مال تۇرۇپ، ياردەمچىڭ بولغان ئاللاھ تائالاغا شىكايەت قىلىشتىن ھايا قىلمامسەن؟! — دەپتۇ.

ھېكايە

بىر كىشىگە قاتتىق كەمبەغەللىك يېتىپ، كۆڭلى سىقىلىدۇ، ئاندىن چۈشىدە بىر خىتاب كېلىپ: — بىز ساڭا «ئەنئام سۈرىسى»نى ئۇنۇتتۇرساق ۋە سەن مىڭ تىللاغا ئېرىشسەڭ، بۇنى ياخشى كۆرەمسەن؟ — دەيدۇ. ئۇ كىشى: — ياق، — دەيدۇ. — «ھۇد سۈرىسى»نىچۇ؟ — ياق. — «يۈسۈف سۈرىسى»نىچۇ؟ — ياق. شۇنىڭ بىلەن خىتاب قىلغۇچى: — سەندە يۈز مىڭ تىللا قىممىتىدىكى نەرسە تۇرسا، يەنە نامراتلىقتىن شىكايەت قىلامسەن؟! — دەيدۇ. ئاندىن ئۇ كىشى كۆڭلى ئېچىلغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزىدۇ.

ئىبنى سەمماك رەھىمەھۇللاھ ھارۇن رەشىدنىڭ يېنىغا نەسىھەت قىلغىلى كىرىپ يىغلايدۇ، ئاندىن بىر قاچا سۇ تەلەپ قىلىدۇ. سۇ كەلتۈرۈلگەندە: — ئى مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مۇبادا سىز ئۇشبۇ ئىچىملىكنى ئىچىشتىن مەنئى قىلىنسىڭىز ۋە جانابىڭىز دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى بېرىش ئارقىلىقلا بۇنى ئىچىشكە قادىر بولالىسىڭىز، دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى فىدىيە بېرىپ بولسىمۇ، بۇ ئىچىملىكنى ئىچەمتىڭىز؟ — دەيدۇ. ھارۇن رەشىد: — ھەئە، — دەيدۇ. ئىبنى سەمماك: — ئاللاھ تائالا سىزگە بەرىكەت بەرسۇن، مەرھەمەت، قېنىپ ئىچىڭ، — دەيدۇ. ھارۇن رەشىد سۇنى ئىچىپ بولغاندا، ئىبنى سەمماك: — ئى مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئەمدى بۇ ئىچىملىكنى قورسىقىڭىزدىن چىقىرالمىسىڭىز ۋە ئۇنى پەقەت دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى بېرىش ئارقىلىقلا چىقىرىشقا قادىر بولسىڭىز، شۇ نەرسىلەرنى فىدىيە قىلىپ بېرەرمىدىڭىز؟ — دەيدۇ. ھارۇن رەشىد: — ھەئە، — دەيدۇ. ئىبنى سەمماك: — ئۇنداقتا، شۇ سۇچىلىك قىممىتى يوق دۇنيانى نېمە قىلىسىز؟! — دەيدۇ.

بۇ ھېكايە بىر بەندە ئۇسساپ قالغاندا، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە بەرگەن ئىچىملىكنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ مۈلكىدىنمۇ بۈيۈك نېئمەت ئىكەنلىكىنى، ئىنسان يەنە قورسىقىدىكى گەندىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ نېئمەتلەر قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

بۇلار بولسا خاس نېئمەتلەرگە قىلىنغان ئىخچام ئىشارەتتۇر.

شۇنى بىلگىنكى، ھەرقانداق ئىنسان ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ باقسا، گەدىنىدە ھەممە خالايىق ھەمشېرىك بولمىغان، گاھىدا كۆپ قىسىم كىشىلەر ھەمشېرىك بولىدىغان كۆپ نېئمەتلەرنى كۆرىدۇ.

شۇ نېئمەتلەردىن بىرى: ئەقىل نېئمىتىدۇر. ھەرقانداق بەندە ئەقلى ھەققىدە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن رازىدۇر. ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى ئەڭ ئەقىللىق كىشى دەپ قارايدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئەقىل بېرىشىنى سورىمايدۇ. شۇڭا، بۇ قاراشتىكى كىشىنىڭ ئەقىل نېئمىتىگە قارىتا ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشى مۇھىمدۇر.

يەنە بىرى: ئەخلاق نېئمىتىدۇر. ھەرقانداق كىشى باشقا كىشىلەردە ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئەيىبلەرنى، ئەيىبلەيدىغان ئەخلاقلارنى كۆرىدۇ ۋە ئۆزىنى شۇ يامان ئەخلاقلاردىن پاك دەپ قارايدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ ئەخلاقىنى گۈزەل قىلغانلىقىغا ۋە ئۆزىنى يامان ئەخلاق بىلەن سىنىمىغانلىقىغا شۈكۈر قىلىشى كېرەك. ھەرقانداق كىشى كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن يامان ئىشلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنى بىر ئۆزىلا بىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر چۈمپەردە يىرتىلىپ ئۇنى بىراۋ بىلىپ قالسا رەسۋا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ يوشۇرۇن يامان ئىشلىرىنى بارلىق كىشىلەر بىلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟! بۇ كىشى نېمىشقا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ يامان ئىشلىرىنى گۈزەللىك بىلەن يېپىپ، گۈزەل ئىشلىرىنى ئاشكارا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتمىسۇن؟!

تېخىمۇ ئومۇمىي بولغان دەرىجىگە چۈشسەك: ھەرقانداق كىشىگە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يا تۇرق-شەكلى، يا خۇلق-ئەخلاقى، يا پېئىل-ئەتىۋارى، يا بالىچاقىسى، يا تۇرلاغۇ جايى، يا يۇرت-شەھىرى، يا يېقىن-يورۇق، يار-ھەمراھى، يا باشقا ياخشى كۆرگەن كىشىلىرى بىلەن كۆپلىگەن ئىشلارنى رىزىق قىلغاندۇر. ئەگەر ئاشۇ ئىشلار تارتىۋېلىنىپ، باشقا نەرسە ئۇنىڭغا بېرىلسە، ئۇ كىشى ئەلبەتتە ئۇنىڭغا رازى بولمىغان بولاتتى. يەنى، ئاللاھ تائالا ئۇنى مۆئمىن قىلدى، كافىر قىلمىدى. تىرىك قىلدى، جانسىز قىلمىدى. ئىنسان قىلدى، ھايۋان قىلمىدى. ئەر قىلدى، ئايال قىلمىدى. ساق قىلدى، كېسەل قىلمىدى. ساغلام قىلدى، مەجرۇھ قىلمىدى. دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدىلىكلەردۇر.

ئەگەر ئىنسان ئۆز ھالىنى باشقىلارنىڭ ھالىغا ئۆزگەرتىشنى خاھلىمىسا، دېمەك ئۇنىڭ ھالى باشقىلارنىڭكىدىن ئەۋزەل. ئەگەر ھەممە ئىشلاردا ياكى مەلۇم بىر ئىشتا ئۆز ھالىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ھالنى بەكرەك ياقتۇرىدىغان ھېچبىر كىشى تېپىلمايدىغان بولسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ ھېچبىر بەندىسىدە بولمىغان نېئمەت بار دېمەكتۇر. ئەگەر ئۇ كىشى ئۆز ھالىنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئۆزگەرتىلىشىنى خاھلىمايدىغان، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ھال-ئەھۋالىغا ئۆزگەرتىلىشىنى خاھلايدىغان بولسا، ئۇنداقتا، ئۆزى تەلەيلىك دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ سانىغا قارىسۇن، ئۇ چوقۇم ئۇلارنى باشقىلاردىن ئاز دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە، ھالى ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەر يۇقىرى كىشىلەردىن كۆپ بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇ نېمىشقا ئۆزىدىن يۇقىرى كىشىلەرگە قاراپ يۈرىدۇ-يۇ، ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ؟!

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مال ۋە يارىتىلىش جەھەتتە ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان كىشىگە قارىغاندا، ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان كىشىلەرگە قارىسۇن».

بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي باشقىچە رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭدا رەسۇلۇللاھ: «(پۇل-مال ۋە يارىتىلىش جەھەتتە) سىلەردىن تۆۋەن كىشىلەرگە قاراڭلار، سىلەردىن يۇقىرى كىشىلەرگە قارىماڭلار، شۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمىتىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكىڭلارغا پايدىلىق» دېگەن.

كىمكى ئۆز ھالىدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۆزىگە خاس بېرىلگەن نېئمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى ئۈستىدە كۆپلىگەن نېئمەتلىرى بارلىقىنى كۆرىدۇ. بولۇپمۇ ئىمان، قۇرئان، ئىلىم، سۈننەت، ئاندىن بوش ۋاقىت، خاتىرجەملىك ۋەھاكازا نېئمەتلەر خاس بېرىلگەن كىشى ئۆز ئۈستىدە ئاللاھ تائالانىڭ كۆپلىگەن نېئمەتلىرى بارلىقىنى كۆرىدۇ. بەزى ھەدىسلەردە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: «كىمكى قۇرئان ئوقۇسا، ئۇ كىشى بايدۇر». يەنە بىر لەۋزدە: «قۇرئان بايلىقتۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن كەمبەغەللىك بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بايلىق بولمايدۇ» دېيىلگەن.

باشقا بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: «ئەھلىدىن خاتىرجەم، تېنى سالامەت، قېشىدا بىر كۈنلۈك يېمەكلىكى بار ھالدا تاڭ ئاتقۇزغان مۇسۇلمان دۇنيا ھەممە تەرەپتىن بېرىلگەن كىشىگە ئوخشايدۇ» دېگەن.

بىر شائىر مۇنداق دېگەن:

ئاش-تاماق كېلىپ تۇرسا يېنىڭغا،
ساقلىق ۋە ئەمىنلىك ھەم تېنىڭدا،
سەن قايغۇرساڭ يەنە توختىماي،
غەم-قايغۇ سەندىن ئايرىلمىغاي.

سوئال: ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشتىن غاپىل قالغان قەلبلەرنى داۋالاش يولى قايسى؟

جاۋاب: ئۆتكۈر قەلبلەر ئاللاھ تائالانىڭ تۈرلۈك نېئمەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. گالۋاڭ قەلبلەر نېئمەتنى پەقەت بالا-مۇسىبەت چۈشكەندىلا نېئمەت ھېسابلايدۇ. گالۋاڭ قەلب ساھىبىنىڭ شۇ گالۋاڭلىقتىن قۇتۇلۇش يولى دائىما ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان كىشىلەرگە قاراشتۇر ۋە ئۆتمۈشتىكى بىر كىشى قىلغان مۇنۇ ئىشنى قىلىشتۇر:

بىر كىشى كېسەل كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك بالالارنى كۆرۈش ئۈچۈن شىپاخانىغا باراتتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ تەن ساقلىقى ۋە سالامەتلىكى ھەققىدە ئويلىناتتى. ئۆلتۈرۈلگەن، پۇت-قوللىرى كېسىلىپ قىينىلىۋاتقان مەھكۇملارنى كۆرسە، ئۆزىنىڭ شۇ جازالاردىن ئۇزاق ئىكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتاتتى. قەبرىستانلىقلارغا بېرىپ، قەبرىلەردە ياتقان ئۆلۈكلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسىسىنىڭ — ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلار بولسا ئاسىيلىقتىن يېنىش، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلار بولسا تائەت-ئىبادەتلەرنى زىيادە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى، قىيامەت كۈنى زىيان تارتىش كۈنىدۇر.

باغرى قاتتىق كىشى قەبرىستانلىقلارنى كۆرۈپ، قەبرىدىكىلەرگە ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسە، قالغان ئۆمرىنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى جازالىماي مۆھلەت بەرگەنلىكىگە شۈكۈر قىلىشقا ۋە تۈرلۈك ئۆمرىنى ئۆزى يارىتىلغان مەقسەتكە، يەنى ئاخىرەت ئۈچۈن ئوزۇق ئېلىشقا سەرپ قىلسۇن.

نېئمەتكە شۈكۈر قىلمىسا نېئمەتنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى بىلىش بىلەنمۇ شۈكۈر قىلىشتىن يىراق قەلبلەرنى داۋالاش كېرەك.

فۇزەيل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «نېئمەتلەرگە داۋاملىق شۈكۈر قىلىپ تۇرۇڭلار، بىر قەۋمنىڭ قولىدىن نېئمەت كېتىپ قالسا، نېئمەتنىڭ قايتىپ كېلىشى ئاز ئۇچرايدۇ».

ئىزاھاتلار:

  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6490)؛ مۇسلىم (2963).
  • مۇسلىم (2963)؛ تىرمىزىي (2513). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • سەئىد ئىبنى مەنسۇر (1/32). ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1558) «زەئىف» دېگەن.
  • ئەبۇ يەئلا (2773). ھۈسەين سەلىم ئەسەد «زەئىف» دېگەن؛ تەبەرانىي («ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، 737). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىيمۇ («زەئىفۇلجامىئ»، 4134) «زەئىف» دېگەن.
  • تىرمىزىي (2346)؛ ئىبنى ماجە (4141). ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مىھسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 6042) «سەھىھ» دېگەن.

پەسىل: سەبر ۋە شۈكۈرنىڭ بىر يەردە بىرلىشىشىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “پەسىل: سەبر ۋە شۈكۈرنىڭ بىر يەردە بىرلىشىشىنىڭ بايانى”

مۇنداق دېيىشىڭ مۇمكىن: سەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەر نەرسىدە نېئمەتلىرى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈڭ، بۇ بالا-مۇسىبەتنىڭ ئەسلا يوق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇنداقتا سەبرنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئەگەر بالا-مۇسىبەت بار بولسا، بالا-مۇسىبەتكە شۈكۈر قىلىشنىڭ مەنىسى نېمە؟ سەبر بىلەن شۈكۈر قانداق بىرلىشىدۇ؟ چۈنكى، سەبر ئەلەم تارتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۈكۈر بولسا خۇشال بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە زىتقۇ؟!

شۇنى بىلگىنكى، نېئمەت مەۋجۇد بولغاندەك، بالا-مۇسىبەت ھەم مەۋجۇدتۇر. ھەرقانداق بالا-مۇسىبەتكە سەبر قىلىشقا بۇيرۇلۇۋەرمەيدۇ. مەسىلەن، كۇفۇرلۇق — كۇفۇرلۇق بولسا بالادۇر. كۇفرىلىققا سەبر قىلىش ئورۇنسىزدۇر. گۇناھ-مەئسىيەتلەرگىمۇ ھەم شۇنداق. لېكىن، كافىر ئۆزىنىڭ كۇفرىنىڭ بالا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزى كېسەل، ئەمما مەلۇم بىر سەۋەب بىلەن ئاغرىقنى ھېس قىلمايدىغان كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئاسىي ئۆزىنىڭ ئاسىيلىقىنى بىلسە، ئاسىيلىقىنى تاشلىشى كېرەك. ئىنسان ئۆزى دەفئ قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان ھەرقانداق بالاغا سەبر قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ. ئەگەر قاتتىق چاڭقىغان تۇرۇپ سۇ ئىچىشنى رەت قىلسا، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئاغرىقى ئېغىرلىشىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ كىشى ئىختىيارىغا قويۇلمايدۇ، بەلكى ئۇ ساقىيىشقا ئۈندىلىدۇ. بەندە ئۆزى يوقىتىشقا قادىر بولالمايدىغان ئاغرىققا سەبر قىلىشى كېرەك.

دېمەك، دۇنيادىكى سەبر مۇتلەق بالا-مۇسىبەت بولمىغان نەرسىدە بولىدۇ، بەلكى بالانىڭ يەنە بىر تەرەپتىن نېئمەت بولۇشى مۇمكىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساندا شۈكۈر قىلىش ۋە سەبر قىلىش ۋەزىپىلىرى تەڭ مۇجەسسەملىشىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ بايلىقى باشقىلارنىڭ ئۇ مال ئۈچۈن جېنىغا قەست قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ساقلىقمۇ ھەم شۇنداق. دۇنيا نېئمەتلىرىدىن ھەرقانداق نېئمەتنىڭ بالا-مۇسىبەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىندۇر.

بەزىدە بىر كىشىگە مەلۇم ئىشلار ھەم بالا-مۇسىبەت، ھەم نېئمەت بولىدۇ.

بۇنىڭ مىسالى: ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىمۇ بىر نېئمەتتۇر. چۈنكى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنىڭ تۇرمۇشى جاپالىق ئۆتكەن ۋە ئۇزۇن ۋاقىت قايغۇرغان بولاتتى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بەزى كىشىلەر ئۆزىگە قىلغان يامانلىقلارنى بىلمەسلىكىمۇ نېئمەتتۇر. چۈنكى ئەگەر كىشى ئۇ يامانلىقلارنى بىلىپ قالسا، بەك ئۇزۇن ئەلەم تارتقان، ئاداۋەت تۇتقان، نەپرەتلەنگەن ۋە ئىنتىقام ئېلىشقا تىرىشقان بولاتتى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ يامان سۈپەتلىرىنى بىلمەسلىكىمۇ نېئمەتتۇر. چۈنكى، ئەگەر ئۇ باشقا بىراۋنىڭ يامان خۇيلىرىنى بىلسە، ئۇ كىشىنى يامان كۆرگەن، ئەزىيەت يەتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭ ۋابالىنى ئالغان بولاتتى.

قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى، قەدر كېچىسىنىڭ قايسى كېچە ئىكەنلىكىنى ۋە جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنىڭ قايسى دەم ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نېئمەتتۇر. چۈنكى، بۇلارنى بىلمەسلىك ئۇلار ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە تىرىشىشقا سەۋەب بولىدۇ. مانا بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ «بىلمەسلىك»تىكى نېئمەتلىرىدۇر. بىلىشتىكى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى قانداق بولار؟!

دېدۇقكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ھەربىر مەخلۇقاتتا نېئمىتى باردۇر، ھەتتا بەزىدە ئاغرىق ئاغرىق تارتقۇچى ئۈچۈن، بەزىدە بولسا باشقىلار ئۈچۈن نېئمەت بولىدۇ. خۇددى كافىرلارنىڭ دوزاخ ئوتىدا ئەلەم تارتىشى جەننەت ئەھلىگە نېئمەت بولغاندەك. چۈنكى ئەگەر بىر قەۋمگە ئازاب كەلمىسە، نېئمەتكە چۈمگەنلەر نېئمىتىنىڭ قەدرىنى بىلەلمەيدۇ. جەننەت ئەھلىنىڭ خۇشاللىقى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەلەملىرى تىلغا ئېلىنغاندا ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. قۇياش نۇرى بارچىگە ئورتاقتۇر. ھالبۇكى دۇنيا ئەھلى قۇياش نۇرىغا شۇنچە ھاجەتمەن تۇرۇپ، ئۇلارنى بۇ نېئمەتتىن سۆيۈنمىگەن؛ ئاسماننىڭ زىننىتى زېمىندىكى ھەرقانداق ئۆسۈملۈكتىن گۈزەل تۇرۇپ، ئۇلارنى ئاسماننىڭ زىننىتىگە قاراش بىلەن خۇشال بولمىغان ھالدا كۆرىسەن. چۈنكى، ئۇ زىننەت ھەممىگە ئومۇمىي زىننەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار قۇياش نۇرى ۋە ئاسماننىڭ زىننىتى بىلەن خۇشال بولمايدۇ ۋە ئۇنى نېئمەت ھېس قىلمايدۇ.

بىزنىڭ «ئاللاھ تائالا بىر نەرسىنى ياراتقان بولسا، ئۇنىڭدا بارلىق بەندىلەرگە ياكى بەزى بەندىلەرگە قارىتا ئىلاھىي ھېكمىتى ۋە نېئمىتى بار» دېگەن سۆزىمىز توغرا بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ بالا-مۇسىبەتنى يارىتىشىدىمۇ ھەم سىنالغۇچىغا ياكى باشقىلارغا مەلۇم نېئمەت بار. شۇڭا، بىر بەندىدە «مۇتلەق بالا ياكى مۇتلەق نېئمەت» دەپ جەزملەشمىگەن ھەرقانداق ھالەتكە شۈكۈر قىلىش ۋە سەبر قىلىش مۇجەسسەملىنىدۇ. چۈنكى، ئىنسان بەزىدە بىر نەرسىگە بىر تەرەپتىن خۇشال بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قايغۇرىدۇ. شۇڭا، قايغۇ جەھەتتىن سەبر قىلىش، خۇشال بولۇش جەھەتتىن شۈكۈر قىلىش مەۋجۇد بولىدۇ.

بىلگىنكى، نامراتلىق، كېسەللىك، قورقۇنچ ۋە دۇنيادىكى ھەرقانداق بالا-مۇسىبەتتە ئاقىل كىشى خۇشال بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىدىغان بەش نېئمەت باردۇر:

بىرىنچى: ھەرقانداق مۇسىبەت ياكى كېسەللىك ئەسلىدە بەندىگە چۈشكەندىنمۇ بەتتەر بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرلىرى چەكسىزدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا مۇسىبەت ياكى كېسەللىكلەرنى بىر بەندىگە ھەسسىلەپ كۆپەيتسە، ئۇنى كىم توسۇيالايتتى؟! شۇڭا، ئۇ مۇسىبەت ۋە كېسەللىكىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇپ قالمىغىنىغا شۈكۈر قىلسۇن.

ئىككىنچى: مۇسىبەتنىڭ دىنىدا بولۇپ قالمىغىنىدۇر.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر مۇسىبەت بىلەن سىنالغان بولسام، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا تۆت نېئمىتى بولدى: مۇسىبەت دىنىمدا بولمىدى، مۇسىبەت تېخىمۇ چوڭ بولمىدى، ئۇنىڭغا رازى بولۇشتىن مەھرۇم قالمىدىم ۋە ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلدىم».

بىر كىشى سەھل ئىبنى ئابدۇللاھقا: — ئوغرى كىرىپ، نەرسە-كېرەكلىرىمنى ئېلىپتۇ، — دېگەنىدى، سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا: — ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغىن، ئەگەر شەيتان قەلبىڭگە كىرىپ ئىمانىڭنى بۇزغان بولسا قانداق قىلاتتىڭ؟! سېنى يۈز قامچا ئۇرۇشقا قادىر تۇرۇپ، ئون قامچا ئۇرغان زات شۈكۈر قىلىشىڭغا لايىقتۇر، — دېدى.

ئۈچىنچى: ھەرقانداق جازا ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن. دۇنيانىڭ مۇسىبەتلىرىنى ئۇنۇتقىلى بولىدۇ، كېيىن ئۇ يەڭگىللىشىدۇ. لېكىن، ئاخىرەت مۇسىبىتى دائىملىقتۇر، ئۇنى يەڭگىللەشتۈرۈشكە يول يوقتۇر. دۇنيادا جازاسى بېرىلگەن كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىدە كەلگىنىدەك، ئىككىنچى قېتىم ئاخىرەتتە جازالانمايدۇ.

«مۇسلىم»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەرقانداق مۇسىبەت، ھەتتا پۇتلىشىپ كەتسىمۇ ياكى پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ».

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «كىمكى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ دۇنيادا جازاغا تارتىلغان بولسا، ئۇنىڭ گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ. جازاغا تارتىلمىغان بولسا، ئۇنى ئاللاھ ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ».

تۆتىنچى: شۇ مۇسىبەت ئىنسانغا لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان بولىدۇ، مۇسىبەتتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. دېمەك، مۇسىبەت ئۇنىڭغا يەتتى، شۇ ئارقىلىق ئىنسان مۇسىبەتتىن راھەتلەندى. شۇڭا، بۇ نېئمەتتۇر.

بەشىنچى: مۇسىبەتنىڭ ساۋابى مۇسىبەتتىن كۆپتۇر. چۈنكى، دۇنيانىڭ مۇسىبەتلىرى ئاخىرەتكە ئېلىپ بارغۇچى يولدۇر. شۇنىڭدەك كىچىك بالىنى ئويۇن ئويناشتىن توسۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن نېئمەتتۇر. چۈنكى، كىچىك بالا ئويۇن ئويناشقا قويۇپ بېرىلسە، ئويۇن ئۇنى ئىلىم ۋە ئەدەب ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا ئۆمرىدە ئۇزۇن ۋاقىت زىيان تارتقان بولاتتى. شۇنىڭدەك مال-مۈلك، ئائىلە، يېقىن تۇغقانلار ۋە (كۆز بىلەن ئەقىلگە ئوخشىغان) تەن ئەزالىرى بەزىدە ئىنساننىڭ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. دىنسىزلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ساراڭ ياكى نارەسىدە بالا بولۇپ قېلىشلىرىنى ۋە ئەقىللىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا ئىشلەتمىگەن بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.

يۇقىرىقىلار بىر بەندىدە تېپىلسا، ئۇ بەندىگە شۇ بارىدا دىنىي ياخشىلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇ بەندە ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق كۈتكەن بولۇشى، بېشىغا كەلگەن ئىشلاردا ياخشىلىق بارلىقىنى مۆلچەرلىشى ۋە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى كەڭدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى ئۇلاردىن بەكرەك بىلگۈچىدۇر. قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئۆزلىرىگە يەتكەن مۇسىبەتنىڭ ساۋابلىرىنى كۆرگەن چاغدا — خۇددى كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكەندە يېتىلدۈرگەن خۇيلىرى سەۋەبلىك ئۇستازى ۋە دادىسىنىڭ ئۇنى ئەدەبلىگەنلىكى ۋە قائىدە ئۆگەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقاندەك — بالا-مۇسىبەت بىلەن سىنىغانلىقىغا ئاللاھقا ھەمد ئېيتىدۇ.

دېمەك، بالا-مۇسىبەت ئاللاھ تائالا تەرەپتىن بولغان ئەدەبلەشتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە كۆيۈنۈشى دادىلارنىڭ بالىلىرىغا كۆيۈنگىنىدىن بەكرەك مۇكەممەل ۋە تولۇقتۇر.

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا مۆئمىنگە بىر نەرسە ئىرادە قىلغان بولسىلا، چوقۇم ئۇنىڭدا مۆئمىنگە ياخشىلىق باردۇر» دېگەن.

شۇنى بىلگىنكى، ھالاك قىلغۇچى خاتالىقلارنىڭ بېشى دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتۇر. نىجات تېپىش سەۋەبلىرىنىڭ بېشى قەلب بىلەن دۇنيادىن يىراقلىشىشتۇر. نېئمەتلەرنىڭ بالا-مۇسىبەت ئارىلاشماستىن، ئىنساننىڭ مەقسەت قىلغىنى بويىچە ئىنسانغا بېرىلىشى قەلبنىڭ دۇنياغا خاتىرجەم بولۇشى ۋە ئۈلپەت ئېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. مۇسىبەتلەر قانچە كۆپ بولسا، قەلب دۇنيادىن شۇنچە بىئارام بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مايىل بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا قەلبكە زىندان بولىدۇ. شۇڭا، قەلبنىڭ دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتىن قۇتۇلۇشى زىندانغا قامالغان ئادەمنىڭ زىنداندىن قۇتۇلغىنىغا ئوخشاش مەقسەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولىدۇ.

ئەلەم چېكىشكە كەلسەك، ئۇ زۆرۈردۇر. ئەلەم چېكىش خۇددى سېنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان ياكى ھېچقانداق ھەق ئالماي، ساڭا پايدىلىق دورا ئىچۈرىدىغان كىشى سەۋەبلىك خۇشال بولغىنىڭغا ئوخشايدۇ. سەن قىينىلىسەن ۋە خۇشال بولىسەن. شۇنىڭ بىلەن ئاغرىققا سەبر قىلىسەن ۋە خۇشاللىق ئۈچۈن شۈكۈر قىلىسەن. كىمكى بۇنى بىلسە، ئۇ بالا-مۇسىبەتكە شۈكۈر قىلىشى مۇمكىن. كىمكى بالا-مۇسىبەتنىڭ ساۋابىنىڭ مۇسىبەتتىن كۆپ بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتمىسا، ئۇنداق كىشىنىڭ مۇسىبەتكە شۈكۈر قىلىشى ناتايىن.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئەئرابىي ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغاندا ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دېگەن:

سەبر قىلغىن، بىز بولىمىز دائىم سەبرچان،
سەبر قىلسا باش، پۇقرا بولغاي چىدامچان.
ئابباسقا ياخشىدۇر ھەم سەبر قىلغىنىڭ،
ھەم ياخشىدۇر ئابباسقا سەندىن ئىلاھىڭ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن: «ھېچبىر كىشى ماڭا ئۇ تەسەللى بەرگەندىن گۈزەل تەسەللى بېرىپ باقمىدى».

بالا-مۇسىبەت تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋاب ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئىلگىرى سۆزلەندى.

بالا-مۇسىبەت ئۈستىدىكى نېئمەتنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

بۆلۈم: “بالا-مۇسىبەت ئۈستىدىكى نېئمەتنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا”

سوئال: سەبر قىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن خەۋەرلەر دۇنيادىكى بالا-مۇسىبەتنىڭ نېئمەتتىن ياخشى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بىز ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن بالا-مۇسىبەت سورىساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن بالا-مۇسىبەت سوراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەل بولۇپ چۈجىگە ئوخشاپ قالغان بىر مۇسۇلمان كىشىنى يوقلاپ، ئۇنىڭغا: — سەن بىر نەرسىگە دۇئا قىلغانمىدىڭ ياكى بىر نەرسە تىلەپ دۇئا قىلغانمىدىڭ؟ — دەيدۇ. ئۇ ئادەم: — ھەئە، مەن: ‹ئى ئاللاھ! ئاخىرەتتە مېنى نېمە بىلەن ئازابلىماقچى بولساڭ، ئۇنىڭ بىلەن مېنى مۇشۇ دۇنيادا ئازابلىغىن› دەپ دۇئا قىلغان ئىدىم، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: — سۇبھاناللاھ! سەن ئۇنىڭغا تاقەت قىلالمايسەن ۋە كۆتۈرۈشكە قادىر بولالمايسەن. كاشكى: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» «2بەقەرە-201» دېسەڭچۇ؟! — دەيدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەنە بىر ھەدىسىدە كېلىشىچە، بىر ئادەم: — ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! قايسى دۇئا ئەڭ ئەۋزەل؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: — ئاللاھ تائالادىن ئەپۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە سالامەت بولۇشنى سورىغىن، — دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى ئەتىسى يەنە كېلىپ: — ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى دۇئا ئەڭ ئەۋزەل؟ — دەپ سورىغانىدى، رەسۇلۇللاھ يەنە: — ئاللاھ تائالادىن ئەپۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە سالامەت بولۇشنى سورىغىن، — دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى ئۈچىنچى كۈنى يەنە كېلىپ: — ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قايسى دۇئا ئەڭ ئەۋزەل؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: — ئاللاھ تائالادىن ئەپۇ قىلىشىنى ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە سالامەت بولۇشنى سورىغىن. ئەگەر ساڭا ئەپۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە سالامەت بولۇش بېرىلسە، بەختكە ئېرىشكەن بولىسەن، — دېدى.

«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ قىيىن بالا-مۇسىبەتتىن، بىمەھەل بەختسىزلىكتىن، يامان قازادىن ۋە دۈشمەننى خۇشال قىلىدىغان مۇسىبەتتىن پاناھ تىلەڭلار».

مۇتەررىف رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ماڭا سالامەتلىك ئاتا قىلىنىپ شۈكۈر قىلىشىم، مۇسىبەت بىلەن سىنىلىپ سەبر قىلغىنىمدىن سۆيۈملۈكتۇر».

ئىزاھاتلار:

  • ئىبنى ماجە (2603)؛ نەسائىي (3926). ئالبانىي («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 2109) «سەھىھ» دېگەن.
  • مۇسلىم (2574). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • ئەھمەد (12929)؛ ئەبۇ يەئلا (4217). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت، ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
  • مۇسلىم (2688).

پەسىل: سەبر قىلىش بىلەن شۈكۈر قىلىشنىڭ قايسىسى ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: سەبر قىلىش بىلەن شۈكۈر قىلىشنىڭ قايسىسى ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا”

سەبر قىلىش شۈكۈر قىلىشتىن ئەۋزەلمۇ ياكى شۈكۈر قىلىش سەبر قىلىشتىن ئەۋزەلمۇ؟ بۇ ھەقتە كىشىلەر ھەرخىل پىكىردە بولدى. بۇ ھەقتە ئۇزۇن گەپ-سۆزلەر بولۇپ، ئۇنى مۇئەللىف رەھىمەھۇللاھ تىلغا ئالغان.

بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنىڭ خۇلاسىسى شۇكى: سەبر قىلىش بولسۇن، شۈكۈر قىلىش بولسۇن ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا دەرىجىلىرى بولىدۇ.

ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى سەبر قىلىش يامان كۆرۈپ تۇرۇپ شىكايەت قىلىشنى تاشلاشتۇر. ئۇنىڭ كەينىدە مەمنۇن بولۇش بولىدۇ. مەمنۇن بولۇش سەبر قىلىشنىڭ كەينىدىكى بىر ماقامدۇر. بالا-مۇسىبەتكە شۈكۈر قىلىش بولسا مەمنۇن بولۇشنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ.

شۈكۈر قىلىشنىڭ دەرىجىلىرى كۆپتۇر:

  • بىر بەندىنىڭ ئۆزىگە ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنىڭ ئارقىمۇئارقا كەلگەنلىكىدىن ھايا قىلىشى شۈكۈر قىلغانلىقتۇر;
  • نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشتا سەھۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىشى ھەم شۈكۈر قىلغانلىقتۇر;
  • ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە گۇناھلارنى يېپىشىنىڭ بۈيۈكلۈكىنى بىلىشىمۇ شۈكۈر قىلغانلىقتۇر;
  • نېئمەتلەرنىڭ باشتىلا ئىنسان ئۇ نېئمەتكە لايىق بولمىسىمۇ، ئاللاھ تائالا تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمۇ شۈكۈر قىلغانلىقتۇر;
  • شۈكۈر قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىدىن بىر نېئمەت ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ شۈكۈردۇر;
  • نېئمەت ئىچىدە تۇرۇپ كەمتەر بولۇش، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشمۇ شۈكۈر قىلغانلىقتۇر;
  • ۋاسىتە-سەۋەبلەرگە شۈكۈر قىلىشمۇ شۈكۈر قىلغانلىقتۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتمىغان كىشى ئاللاھقا شۈكۈر قىلمىغان بولىدۇ».
  • ئىنئام قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش ۋە ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمەسلىكمۇ شۈكۈر قىلغانلىقتۇر;
  • نېئمەتلەرنى گۈزەل رەۋىشتە قوبۇل قىلىش، كىچىك نېئمەتلەرنىمۇ چوڭ ھېسابلاش شۈكۈر قىلغانلىقتۇر.

دېمەك، شۈكۈر قىلىش دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدىغان سۆزلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇلار ھەم تۈرلۈك دەرىجىدە بولىدۇ. شۇڭا، شۈكۈر قىلىش دەرىجىلىرىنى بىرسى يەنە بىرسىدىن ئەۋزەل دەپ تولۇق بايان قىلىپ بولۇش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟!

لېكىن، بىز دەيمىزكى: مالنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدىغان يەرگە سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت شۈكۈر قىلىشقا سەبر قىلىش قوشۇلسا، شۈكۈر قىلىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش سەبر قىلىشنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مالنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش بولىدىغان يەرگە سەرپ قىلىشتا ئاللاھنىڭ نېئمىتىدىن سۆيۈنۈش، مالنى كەمبەغەللەرگە سەرپ قىلىش ئەلىمىنى كۆتۈرۈش ۋە ئۇنى مۇباھ بولغان راھەت-پاراغەتتە ياشاشقا سەرپ قىلىشنى تەرك ئېتىش قاتارلىق سۈپەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارنى ئېتىبارغا ئېلىپ تۇرۇپ بۇنداق قىلىش سەبر قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر.

لېكىن، مال-مۈلككە شۈكۈر قىلىش گۇناھ يولىدا مال سەرپ قىلماسلىق، بەلكى مالنى مۇباھ بولغان راھەت-پاراغەتكە سەرپ قىلىش بىلەن بولسا، بۇ يەردە سەبر قىلىش شۈكۈر قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. سەبرچان كەمبەغەل مېلىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى مۇباھ يوللارغا سەرپ قىلغۇچى بايدىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، كەمبەغەل كىشى نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىپ، ئاللاھنىڭ بەرگەن سىنىقىغا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە سەبر قىلدى.

«سەبر قىلىش قىسىملىرىنى شۈكۈر قىلىشتىن ئەۋزەل» دېگەن بارلىق قاراشلار پەقەت خاس قىلىپ تۇرۇپ بۇ مەرتىۋىنى نەزەردە تۇتقاندۇر. چۈنكى، مال-مۈلك نېئمىتىدىن ۋە مال-مۈلك بىلەن بىھاجەت بولۇشتىن كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىگە تېزلا كېلىدىغىنى ئىنساننىڭ «ئاللاھقا شۈكۈر» دېيىشىدۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، ئومۇمىي كىشىلەر تايىنىدىغان سەبر قىلىش ئۇلار چۈشەنگەن بۇ شۈكۈر قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.

بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەنىلەر مۇلاھىزە قىلىنسا، بەزى ئەھۋاللاردا بۇ ئىككىسىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بىر يۆنىلىش بارلىقىنى بىلىش مۇمكىن. تىلغا ئېلىنغىنىدەك، بەزىدە سەبرچان كەمبەغەل شۈكۈر قىلغۇچى بايدىن ئەۋزەلدۇر. بەزىدە شۈكۈر قىلغۇچى باي سەبر قىلغۇچى كەمبەغەلدىن ئەۋزەلدۇر. باي ئۆزىنى زۆرۈرىيەت مىقدارىلا مال تۇتىدىغان، قالغان ماللارنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدىغان كەمبەغەلگە ئوخشاش كۆرسە، ياكى مالنى موھتاجلارنىڭ ئامبارچىسى سۈپىتىدە يېنىدا تۇتسا، ئۇنى موھتاجلارغا سەرپ قىلىدىغان پۇرسەتنى كۈتۈپ، مالنى سەرپ قىلغاندا يۈز-ئابروي ۋە مىننەت قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلمىسا، بۇنداق باي سەبرچان كەمبەغەلدىن ئەۋزەلدۇر.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىزاھاتلار:

  • ئەھمەد (12313)؛ ئىبنى ماجە (3848). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن؛ ئالبانىي («زەئىفۇ ئىبنى ماجە»، 839) «زەئىف» دېگەن.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6347)؛ مۇسلىم (2707). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • ئەبۇ داۋۇد (4811)؛ تىرمىزىي (1954). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.

يىگىرمە تۆتىنچى بۆلۈم: ئۈمىد قىلىش ۋە قورقۇش توغرىسىدا

بۆلۈم: “يىگىرمە تۆتىنچى بۆلۈم: ئۈمىد قىلىش ۋە قورقۇش توغرىسىدا”

شۇنى ياخشى بىلگىنكى، ئۈمىدۋارلىق ۋە قورقۇش بەئەينى ئىككى قاناتقا ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىن كىشىلەر ھەرقانداق ماختىلىدىغان ماقامغا ئۇچىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئىككىسى يەنە مىنىدىغان ئىككى ئۇلاغقا ئوخشاش بولۇپ، بۇلار بىلەن ئاخىرەت يولىدىكى بۆسۈش مۈشكۈل بولغان داۋانلاردىن ئېشىپ ئۆتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈمىد قىلىش ۋە قورقۇشنىڭ ھەقىقىتى، پەزىلىتى، سەۋەبى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى بايان قىلىش مۇھىمدۇر. بىز ئۇنى ئىككىگە بۆلۈپ بايان قىلىمىز:

  1. بىرىنچى: ئۈمىد قىلىش ھەققىدە.
  2. ئىككىنچى: قورقۇش ھەققىدە.

بىرىنچى قىسىم: ئۈمىد قىلىش، ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە پەزىلىتى ھەققىدە

بۆلۈم: “بىرىنچى قىسىم: ئۈمىد قىلىش، ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە پەزىلىتى ھەققىدە”

ئۈمىد قىلىشنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “ئۈمىد قىلىشنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى”

شۇنى بىلگىنكى، ئۈمىد قىلىش ئاخىرەت يولىدا ماڭغۇچىلارنىڭ ماقاملىرى ۋە ئاللاھ رازىلىقىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋاللىرى جۈملىسىدىندۇر. سۈپەت مۇقىم ۋە ئىزچىل بولسا، ئاندىن «ماقام» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر سۈپەت تاسادىپىي ۋە يوقىلىشى تېز بولسا، «ئەھۋال» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خۇددى سېرىق رەڭنىڭ ئالتۇننىڭ سېرىقلىقىغا ئوخشاش مۇقىم سېرىقلىق، قورقۇشتىن ھاسىل بولىدىغان سېرىقلىققا ئوخشاش تېز يوقىلىدىغان سېرىقلىق ۋە كېسەلنىڭ سېرىقلىقىغا ئوخشاش ئوتتۇراھال سېرىقلىققا بۆلۈنگىنىگە ئوخشايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش قەلبنىڭ سۈپەتلىرىمۇ بۇ قىسىملارغا بۆلىنىدۇ. مۇقىم تۇرمايدىغان سۈپەت «ئەھۋال» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ قەلبتىن تېز يوقىلىدۇ.

بىلگىنكى، سەن يولۇققان ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسە بولسۇن ياكى يامان كۆرۈلىدىغان نەرسە بولسۇن، ئۇ نەرسىلەر «ھازىر مەۋجۇد بولغان ۋە ئۆتمۈشتە مەۋجۇد بولغان نەرسىلەر» دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. بىرىنچىسى «تېپىش، تېتىش ۋە ئېرىشىش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچىسى بولسا «ئەسلەش» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەگەر خىيالىڭغا كېلەچەك ھەققىدە بىر نەرسە كېلىپ، ئۇ نەرسە قەلبىڭنى ئىگىلىسە، بۇ «كۈتۈش ۋە مۇنتەزىر بولۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر كۈتۈلگەن نەرسە ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسە بولسا «ئۈمىدۋار بولۇش»، يامان كۆرۈلىدىغان نەرسە بولسا «قورقۇش» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۈمىدۋارلىق ئۆز نەزەرىدە ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسىنى كۈتۈپ «خۇشال بولۇش» دېمەكتۇر. لېكىن، كۈتۈلگەن شۇ نەرسىنىڭ ھاسىل بولىدىغان بىر سەۋەبى بولىدۇ. ئەگەر سەۋەبنىڭ مەۋجۇد ياكى مەۋجۇد ئەمەسلىكى بىلىنمىسە، بۇ «ئارزۇ قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ سەۋەبسىز كۈتۈشتۇر. «ئۈمىدۋارلىق ۋە قورقۇش» دەپ پەقەت ئىككىلىنىش بولىدىغان نەرسىگە ئېيتىلىدۇ. كەسكىن بولغان نەرسىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا «ئۈمىد قىلىش ياكى قورقۇش» دېگەن ئاتالغۇ قوللىنىلمايدۇ. چۈنكى، «قۇياشنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۇنىڭ پېتىشىدىن قورقىمەن» دېيىلمەيدۇ. لېكىن، «يامغۇرنىڭ چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن قورقىمەن» دېيىلىدۇ.

قەلب ئىگىلىرى بىلىدۇكى: دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن خۇددى بىر ئېكىنزارلىقتۇر. قەلب بەئەينى زېمىنغا، ئىمان بولسا شۇ قەلبتىكى ئۇرۇققا ئوخشاش بولۇپ، تائەت-ئىبادەتلەر بولسا زېمىننى تازىلاش ۋە ئۇنى پاكىزلاش، زېمىندا سۇ ئاقىدىغان ئېرىق ۋە ئۆستەڭلەرنى كولاشنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. دۇنياغا بېرىلگەن قەلب بولسا، ئۇرۇق تېرىسا ئۈنمەيدىغان شورلۇق زېمىنغا ئوخشايدۇ. قىيامەت كۈنى ھوسۇل يىغىش كۈنىدۇر. ھېچبىر ئادەم ئۆزى تېرىمىغان ئۇرۇقنىڭ ھوسۇلىنى كۈتمەيدۇ. پەقەت ئىمان ئۇرۇقىنى تېرىغان كىشىلا ھوسۇل ئالالايدۇ. ئەگەر بىر دېھقان سۇ يېتىپ بارالمايدىغان بىر زېمىنغا ئۇرۇق سېلىپ، ئۇنىڭغا ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەي، ھوسۇل يىغىشنى كۈتسە، بۇ كۈتۈش كۈتۈش ئەمەس، بەلكى «ئەخمەقلىق ۋە ئالدىنىش» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەگەر مۇنبەت بىر زېمىنغا ئۇرۇق تېرىسا، لېكىن سۇ بولمىسا ۋە يامغۇر يېغىشىنى كۈتسە، ئۇنىڭ بۇ كۈتۈشى ئۈمىد قىلىش ئەمەس، «قۇرۇق ئارزۇ قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ.

دېمەك، «ئۈمىد قىلىش» ئاتالغۇسى بەندىنىڭ ئىختىيارلىقى ئاستىدا ئىچكى سەۋەبلىرى قولاي بولغان ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسىنى كۈتۈشكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بەندىنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولمىغان نەرسىلا قالىدۇ. بەندىنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولمىغان نەرسە بولسا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ زىرائەتنى بۇزغۇچى ئامىللارنى قايتۇرۇشتىكى پەزل-ئېھسانىدۇر.

بەندە ئىمان ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۇنى تائەت-ئىبادەت سۇلىرى بىلەن سۇغارسا، قەلبىنى ناچار ئەخلاق تىكەنلىرىدىن پاكىزلاپ، ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنى مۇشۇ ئەھۋال ئۈستىدە ئۆلگۈچە مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت پەزل ۋە مەغپىرىتىگە ئېلىپ بارىدىغان گۈزەل رەۋىشتە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتسە، ئۇنىڭ بۇ كۈتۈشى تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىشقا داۋاملىشىش ۋە ئۆلگۈچە ئىمان تەلەپلىرى بويىچە ئىش قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ماختىلىدىغان ئۈمىد قىلىش بولىدۇ.

ئەگەر ئىمان ئۇرۇقىنى تائەت-ئىبادەت سۈيى بىلەن سۇغىرىشنى ئۈزسە ياكى قەلب ناچار خۇلقلارغا غەرق ھالدا، دۇنيا لەززەتلىرىگە بېرىلسە، ئاندىن گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى كۈتسە، بۇ ئەخمەقلىق ۋە ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئۇلاردىن كېيىن، (يامان) ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل-مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئالىدۇ ۋە بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ…» «7ئەئراف-169».

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگۈچىنى ئەيىبلىگەن: «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ (يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلبەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن» «18كەھف-36».

شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەقىللىق كىشى ئۆز نەفسىدىن ھېساب ئېلىپ، ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلغۇچىدۇر؛ ئاجىز كىشى بولسا، ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلىپ، ئاللاھتىن ئۈمىد كۈتۈپ ياتقۇچىدۇر».

مەئرۇف ئەلكەرخىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئۆزۈڭ ئىتائەت قىلمايدىغان زاتنىڭ شەپقەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشىڭ خارلىق ۋە ئەخمەقلىقتۇر».

ئاللاھ تائالا شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار — ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» «2بەقەرە-218».

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشقا لايىق كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلاردا بار ئۈمىدۋارلىقنى ئۇلارغىلا خاس قىلىشنى ئىرادە قىلمىدى، چۈنكى ئۇلاردىن باشقىلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شۇنى بىلگىنكى، ئۈمىدۋارلىق ماختىلىدۇ. چۈنكى، ئۈمىد ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. نائۈمىدلىك ئەيىبلىنىدۇ. چۈنكى، نائۈمىدلىك ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشتىن قايتۇرىدۇ. بىر كىشى بىر زېمىننىڭ شورلۇق، سۈيى سىڭىپ كېتىدىغان ۋە ئۇرۇق ئۈنمەيدىغان زېمىن ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇنىڭغا قىزىقمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆزىنى چارچاتمايدۇ.

قورقۇشقا كەلسەك، قورقۇش ئۈمىدۋارلىققا قارشى ئەمەستۇر. بەلكى ئۈمىدۋارلىق قورقۇشنىڭ ھەمراھىدۇر. بۇنىڭ بايانى ئالدىمىزدا كېلىدۇ، ئىنشائاللاھ.

ئۈمىدۋارلىق ئەمەللەر بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە ئەھۋال قايسى دەرىجىدە ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، تائەت-ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش يولىغا ئاپىرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا داۋاملىق يۈزلىنىش بىلەن لەززەت ئېلىش، ئۇنىڭ بىلەن پىچىرلىشىش ئارقىلىق ھۇزۇر ئېلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى تەمە قىلىپ، ئۇنىڭدىن تىلەشتە سىلىق بولۇش قاتارلىقلار بۇنىڭ بەلگىلىرىدىندۇر. بۇ ئەھۋاللار بىرەر پادىشاھ ياكى بىرەر شەخستىن بىر نەرسە كۈتكەندە كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللاردۇر. ئۇشبۇ ئەھۋاللار ئاللاھ تائالا ئالدىدا نېچۈك كۆرۈلمىگەي؟! شۇڭا، بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە ئۈمىدۋارلىق ماقامىدىن مەھرۇم قالغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، كىمكى بۇ ئالامەتلەرسىز، ياخشىلىق ئىرادە قىلىنغانلاردىن بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئۇ ئالدانغان كىشىدۇر.

ئۈمىد قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

بۆلۈم: “ئۈمىد قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا”

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ‹مەن بەندەمنىڭ مېنى ئويلىغان يېرىدىن چىقىمەن›». يەنە بىر رىۋايەتتە: «‹گۇمان قىلغۇچى مېنى خاھلىغىنىچە ئويلىسۇن› دېگەن».

مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق كۈتكەن ھالەتتە ئۆلۈڭلار».

ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا: — ئى داۋۇد! مېنى ياخشى كۆرگىن، مېنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ياخشى كۆرگىن، مېنى مەخلۇقاتلارغا سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن، — دەپ ۋەھيى قىلغانىدى، داۋۇد ئەلەيھىسسالام: — پەرۋەردىگارىم! سېنى مەخلۇقاتلارغا قانداق سۆيۈملۈك كۆرسىتىمەن؟ — دېدى. ئاللاھ تائالا: — مېنىڭ ياخشىلىقلىرىمنى سۆزلىگىن ۋە مېنىڭ نېئمەت ۋە ئېھسانلىرىمنى ئەسلەتكىن، — دېدى.

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر بەندە قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىشقا بۇيرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەندە: — مەن بۇنداق بولار دېمىگەن ئىدىم، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: — سەن قانداق بولار دېگەنىدىڭ؟ — دەيدۇ. ئۇ: — سېنى مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: — ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، — دەيدۇ».

پەسىل: ئۈمىد قىلىشنىڭ دورىسى ۋە ئۈمىد قىلىش ھاسىل بولىدىغان سەۋەب ھەققىدە

بۆلۈم: “پەسىل: ئۈمىد قىلىشنىڭ دورىسى ۋە ئۈمىد قىلىش ھاسىل بولىدىغان سەۋەب ھەققىدە”

شۇنى ياخشى بىلگىنكى، ئۈمىدۋارلىق دورىسىغا ئىككى تۈرلۈك ئادەم موھتاج بولىدۇ:

  1. بىرى، ئۈمىدسىزلىنىش غالىب كېلىپ، ئىبادەت قىلىشنى تەرك ئەتكەن ئادەم.
  2. يەنە بىرى، قورقۇش غالىب كېلىپ، ئۆزىگە ۋە ئەھلىگە زىيان يەتكۈزگەن ئادەم.

تائەت-ئىبادەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئارزۇ قىلغۇچى، ئالدانغان، ئاسىي كىشىگە پەقەت قورقۇش دورىسىنى ئىشلەتمەك كېرەك. چۈنكى، ئۈمىدۋارلىق دورىلىرى ئۇنداق كىشى ئۈچۈن بەئەينى زەھەر بولىدۇ. بۇ خۇددى ھەسەلنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن كىشىگە شىپا، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىگە ئوغا بولغىنىغا ئوخشايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى مۇلايىم ۋە كېسەللىكنىڭ مەنبەسىگە قاراپ، ھەر كېسەللىكنى ئۆز لايىقىدا دورا بىلەن داۋالايدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. بۇ زاماندا كىشىلەرنى ئۈمىدلەندۈرۈشكە بولمايدۇ، ياخشىسى ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتۈش كېرەك. ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ بىمارلارنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە قەلبلەرنى مايىل قىلىش مەقسىتى بولسا، ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ پەزىلەتلىرىنى سۆزلىسە بولىدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرمىگەن ھەم ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم قىلمىغان كىشى ھەقىقىي ئالىمدۇر».

بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە شۇنى بىلگىنكى، ئۈمىدۋارلىق ئىبرەت ئېلىش ۋە ئوقۇش-ئاڭلاش بىلەنمۇ ھاسىل بولىدۇ.

ئىبرەت ئېلىش بىز «شۈكۈر قىلىش ھەققىدە» دېگەن تېمىدا بايان قىلغان بارلىق نېئمەت تۈرلىرىنى ئويلىنىشتۇر. ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيادا مۆئمىن بەندىلىرىگە قىلغان ئېھسانلىرىنى، ئىنسان تەبىئىتىگە رىئايە قىلغان ئاجايىپ ھېكمەتلىرىنى، ئىلاھىي ئېھسانلىرىنىڭ بەندىلەرنىڭ دۇنيادىكى نازۇك مەنپەئەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلغانلىقىنى بىلسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە ئېلىپ بېرىشقا رازى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. چۈنكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچى زات بىر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ زات دۇنيادا مۆئمىن بەندىلىرىگە ئېھسان قىلغانىكەن، ئاخىرەتتىمۇ ھەم ئۇلارغا ئېھسان قىلىدۇ.

ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەرگە قاراش (ئوقۇش ياكى ئاڭلاش)قا كەلسەك، بۇ ھەقتە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ شۇ سۆزلىرى بار: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى: ‹(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خاھلىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر›» «39زۇمەر-53».

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمد ئېيتىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» «42شۇرا-5».

ئاللاھ تائالا دۈشمەنلىرىگە دوزاخنى تەييار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، دوستلىرىنى دوزاختىن قورقۇتۇپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ (قاتتىق ئازاب) بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقۇتىدۇ. ئى بەندىلىرىم! (ئازابىمدىن) قورقۇڭلار» «39زۇمەر-16». «كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن (يەنى دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان يامان ئىشلاردىن) ساقلىنىڭلار» «3ئال ئىمران-131». «سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم. ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ» «92لەيل-16». «ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ (گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى) شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ» «13رەئد-6».

بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار:

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىبلىس ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە: ‹سېنىڭ ئەزىزلىكىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قەسەمكى! ئادەم بالىلىرى ھاياتلا بولىدىكەن، ئۇلارنى داۋاملىق ئازدۇرىمەن› دېگەندە، ئاللاھ تائالا: ‹مېنىڭ ئەزىزلىكىم ۋە ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن قەسەمكى! ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلەپلا تۇرسا، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىپ تۇرىمەن› دېگەن».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئەلبەتتە ئاللاھ سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ، گۇناھ قىلىدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرەتتى، ئاندىن ئۇلار مەغپىرەت تىلىسە، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلاتتى».

«سەھىھەين»دە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرسە، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭغا ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى يامان كۆرسە، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭغا ئۇچرىشىشنى يامان كۆرىدۇ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى ئۆزىگە گۇناھ قىلىش بىلەن زىيان سالغان ئىدى. ئۆلۈمى يېقىنلاشقاندا بالىلىرىغا: ‹مەن ئۆلسەم، مېنى ئوتتا كۆيدۈرۈڭلار، ئاندىن كۈلۈمنى تىرىپ قۇرۇقلۇققا ۋە كۈچلۈك شامال چىققان كۈنى كۈلۈمنى شامالغا سورۇۋېتىڭلار. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولسا، ھېچكىمگە قىلمىغان ئازابنى ماڭا قىلىدۇ› دەپ ۋەسىيەت قىلدى. كىشى ئۆلگەندە، بالىلىرى ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە قىلدى. ئاللاھ تائالا يەرگە: ‹ئۇنىڭدىن ئالغانلىرىڭنى جەم قىلغىن› دەپ ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى دەرھال ئەسلى ھالىتىدە ھازىر بولدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: ‹سېنى بۇنداق قىلىشقا نېمە مەجبۇرلىدى؟› دېدى. ئۇ: ‹ئى رەببىم! سەندىن قورققانلىقىم مەجبۇرلىدى› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلدى».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىلىرىگە: ‹ئى ئادەم! دوزاخقا ئەۋەتىلىدىغانلارنى ئەۋەتكىن› دەيدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام: ‹ئى رەببىم! دوزاخقا ئەۋەتىلىدىغانلار قانچىلىك؟› دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹ھەر مىڭ ئادەمدىن توققۇز يۈز توقسان توققۇز ئادەم› دەيدۇ. بۇنى ئاڭلاپ كىچىك بالىلارنىڭ چېچى ئاقىرىپ كېتىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىسىنى تاشلاپ قويىدۇ. ‹(دېمەك، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس-ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر› «22ھەج-2» دەيدۇ» دېدى.

يۇقىرىقىلارنى ئاڭلاپ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا تۇرغانلارنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: — دوزاخقا ئەۋەتىلىدىغانلارنىڭ مىڭدىن توققۇز يۈز توقسان توققۇزى يەئجۇج-مەئجۇجلاردىن بولىدۇ. مىڭدىن بىرى ئەھلى جەننەت بولۇپ، ئۇ سىلەردىن بولىدۇ. ئاندىن سىلەر كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاق ئۆكۈزنىڭ بېقىنىدىكى بىر تال قارا تۈكتەك ياكى قارا ئۆكۈزنىڭ بېقىنىدىكى بىر تال ئاق تۈكتەك ئاز بولىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، — دېدى. بىز بۇنى ئاڭلاپ تەكبىر ئېيتتۇق. ئاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ: — جەننەت ئەھلىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىسىلەر، — دېدى. بىز تەكبىر ئېيتتۇق. ئاندىن كېيىن: — ئەھلى جەننەتنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىسىلەر، — دېدى. بىز تەكبىر ئېيتتۇق.

دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قورقۇتقۇچى سۆزلەرنى قانداق كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن! قورقۇتقۇچى سۆزلەر ئۇلارنى بىئارام قىلغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا رەھىمدىل سۆزلەرنى ئېيتتى.

قەلبلەر ھاۋايى-ھەۋەسكە مايىل بولغاندا، ئۇنى بىئارام قىلىدىغان سۆزلەرنى سۆزلەش كېرەك. ئەكسىچە، قەلبلەر قاتتىق بىئارام بولغاندا، نورماللىققا قايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىئاراملىقىنى بېسىقتۇرىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىش كېرەك.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنساننىڭ خىيالىغا كىرىپ باقمىغان دەرىجىدە بەندىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ».

رىۋايەت قىلىنىدۇكى: بىر مەجۇسىي ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنى مېھمان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنى مېھمان قىلماي: «مۇسۇلمان بولساڭ مېھمان قىلىمەن» دېدى. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلىپ: «ئى ئىبراھىم! مەن ئۇنىڭ كافىر بولۇشىغا قارىماي 70 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا يېمەك بەردىم، سەن بىر كېچىلىك يېمەك بېرىشكە ئۇنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىشنى شەرت قىلدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەجۇسىينىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنى توختاتتى ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنى ئاڭلاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەجۇسىي ئاللاھ تائالانىڭ رەھىمدىللىكىدىن ھەيرەتلىنىپ مۇسۇلمان بولدى.

بۇ سەۋەبلەر بىلەن قورققۇچىلار ۋە ئۈمىدسىزلەنگۈچىلەرنىڭ قەلبلىرىگە ئۈمىد روھى جەلپ قىلىنىدۇ. مەغرۇر، ئەخمەقلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا بۇلاردىن ھېچنەرسە ئاڭلىتىلماسلىقى كېرەك. بەلكى ئۇلارغا بىز ئالدىمىزدا كەلتۈرىدىغان قورقۇتقۇچى سۆزلەر ئاڭلىتىلىشى كېرەك. چۈنكى، كۆپىنچە كىشىلەر تاياق يېسە ئاندىن توغرا يولدا ماڭىدىغان قۇلغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنى پەقەت قورقۇتۇش ئارقىلىقلا ئىسلاھ قىلغىلى بولىدۇ.

ئىزاھاتلار:

  • ئەھمەد (17164)؛ تىرمىزىي (2459) «بۇ ھەسەن ھەدىس» دېگەن؛ ئىبنى ماجە (4260). ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 4/280) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 4305) «زەئىف» دېگەن.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7405)؛ مۇسلىم (2675).
  • مۇسلىم (2877). جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • ئەھمەد (16059)؛ ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 7603) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىيمۇ («سەھىھۇلجامىئ»، 4316) «سەھىھ» دېگەن. ۋاسىلە ئىبنى ئەسقائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • ئىراقىي («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھيائ»، 4/55) «بۇ ھەدىس كىتابلىرىدا يوق، بەلكىم تەۋرات ياكى ئىنجىلدىن نەقىل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.
  • ئىمام ئەھمەد («ئەززۇھد»، 2059)؛ ئەبۇ نۇئەيم («ھىليەتۇل ئەۋلىيائ»، 3/292). سەنەدى زەئىف.
  • دارىمىي (298). ھۈسەين سەلىم ئەسەد «سەنەدى زەئىف» دېگەن.
  • ئەھمەد (11255)؛ ئەبۇ يەئلا (1273)؛ ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 2130). ھاكىم، زەھەبىي، شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ھۈسەين سەلىم ئەسەدلەر «سەھىھ» دېگەن.
  • مۇسلىم (2749).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6467)؛ مۇسلىم (2818).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4741)؛ مۇسلىم (222).
  • ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك («ئەززۇھد»، 1364). سەنەدى زەئىفتۇر.

ئىككىنچى قىسىم: قورقۇش، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، دەرىجىلىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە

بۆلۈم: “ئىككىنچى قىسىم: قورقۇش، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، دەرىجىلىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە”

قورقۇشنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “قورقۇشنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى”

شۇنى ياخشى بىلگىنكى، قەلبنىڭ كېلەچەكتە يامان كۆرۈلىدىغان بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنى كۈتكەنلىكتىن قاتتىق ئاغرىق تارتىشى ۋە ئازابلىنىشى «قورقۇش» دېيىلىدۇ.

بۇنىڭ مىسالى: پادىشاھنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، پادىشاھ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان كىشى پادىشاھنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىدۇ ۋە يەنە «پادىشاھ مېنىڭ گۇناھىمنى ئەپۇ قىلىشىمۇ مۇمكىن» دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەرنى، جىنايىتىنىڭ قەبىھلىكىنى، جىنايەتنىڭ پادىشاھقا بولغان تەسىرىنى قانچە كۈچلۈك ھېس قىلسا، ئۇنىڭ قەلبى شۇنچە ئازابلىنىدۇ. ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەر ئاجىز بولغانسېرى قورقۇنچىمۇ ئاجىز بولىدۇ.

بەزىدە قورقۇش جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى قورقۇتقۇچىنىڭ سالاھىيىتى، كاتتىلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقىدىن بولىدۇ. چۈنكى، كىشى ئاللاھ تائالا ئەگەر پۈتۈن ئالەمنى ھالاك قىلماقچى بولسا، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقى ۋە ئۇنى چەكلىگۈچى يوقلۇقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە بارچىدىن بىھاجەتلىكىنى بىلگەنسېرى، ھەمدە ئاللاھ تائالانىڭ «ئاللاھ قىلغان ئىشىدىن سوئال قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال قىلىنىدۇ» «21ئەنبىيائ-23» دېگەن ئايىتىنى چۈشەنگەنسېرى، كىشىدە قورقۇش پەيدا بولىدۇ.

ئۆزىنى ۋە پەرۋەردىگارىنى ھەقىقىي تونۇغان كىشى كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ قورقىدىغان كىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاللاھنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ۋە ئاللاھتىن ئەڭ قاتتىق قورقىدىغان كىشىمەن».

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» «35فاتىر-28».

ھەقىقىي تونۇش مۇكەممەل بولسا قورقۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قورقۇشنىڭ ئالامىتى قەلبتە تاشىدۇ. ئاندىن ئورۇقلاش، سارغىيىش، يىغلاش ۋە ئايلىنىپ كېتىش قاتارلىقلار بىلەن سالاھىيەت ۋە بەدەن ئەزالىرىدا ئەكس ئېتىدۇ. قورقۇش بەزىدە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ، بەزىدە مېڭىگە ئۆرلەپ ئەقىلنى بۇزىدۇ.

قورقۇش ئالامىتىنىڭ بەدەن ئەزالىرىدا كۆرۈلۈشى بولسا ئىنسان ئۆز سەھۋەنلىكلىرىنى تولۇقلىشى ۋە ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن، بۇ ئەزالارنى گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن توختىتىش ۋە تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلاش بىلەن بولىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قورققان كىشى قونماستىن يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، قونماستىن يولىنى داۋاملاشتۇرغان كىشى مەنزىلگە يېتىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى! ئاللاھنىڭ تاۋارى قىممەتلىكتۇر، ئاگاھ بولۇڭلاركى! ئاللاھنىڭ تاۋارى جەننەتتۇر».

بىر ئالىم مۇنداق دېگەن: «يىغلىغان كىشى قورققان بولمايدۇ، گۇناھ قىلىشقا قادىر تۇرۇپ ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشى ھەقىقىي قورققان كىشى ھېسابلىنىدۇ».

قورقۇشنىڭ مېۋىلىرىدىن: قورقۇش شەھۋەتلەرنى قومۇرۇپ تاشلايدۇ، لەززەتلەردىن توسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇددى ھەسەلدە زەھەر بارلىقىنى بىلگەن كىشىگە ھەسەل يامان كۆرۈلىدىغان نەرسىگە ئايلانغىنىدەك، ئىنسانغا يېقىشلىق بولغان گۇناھلار ئاللاھ تائالادىن قورققان كىشىگە ئەڭ يىرگىنىشلىك نەرسىگە ئايلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق بەدەن ئەزالىرى ئەدەپلىنىدۇ، قەلب تەمكىن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كىبىر، ھەسەت ۋە كۈنلەشلەر چىقىپ كېتىدۇ. قەلبكە قورقۇش ھۆكۈمران بولغانلىقتىن، ئىنسان پۈتۈن ھاياتىدا تەنھالىقنى خاھلايدۇ، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشتىن قاچىدۇ، ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش، ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش، نەفسىگە قارشى جىھاد قىلىش، ئالغان نەپەس، ۋاقىت-سائەت، ئوي-خىيال، ماڭغان قەدەم ۋە قىلغان سۆزلىرىگە قارىتا نەفسىدىن ھېساب ئېلىشتىن باشقا مەشغۇلاتى بولمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ پەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ كىشى ئۆزىگە يۈزلەنگەن خەتەرلەرنى دەفئ قىلىشتىن باشقا ھېچبىر ئىش بىلەن شۇغۇللانمايدۇ.

مانا بۇ قورقۇش ماقامىنىڭ ھەقىقىتىدۇر.

پەسىل: قورقۇشنىڭ دەرىجىلىرى، ئۇنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: قورقۇشنىڭ دەرىجىلىرى، ئۇنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز بولىدىغانلىقى توغرىسىدا”

بىلگىنكى، قورقۇشنىڭ ياخشىسى ئوتتۇراھال قورقۇشتۇر. چۈنكى، قورقۇش كۈچىيىپ كەتسە كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئىبادەت قىلىشتىن توختىتىپ قويىدۇ، ياكى ئەقىلنى بۇزۇپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. كەمچىل كىشى بولسا بىرەر ئايەتنى ئاڭلىغاندا ياكى قورقۇنچلۇق بىر ئىش يۈز بەرگەندە، قورقۇنچ بېسىپ يىغلايدىغان، قورقۇنچ ئۆتۈپ كەتسە قەلبى غەپلەتكە قايتىدىغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ پايدىسى ئاز، كۈچسىز بولغان قورقۇشتۇر. بۇ قورقۇش خۇددى كۈچلۈك بىر ھايۋاننى ھەيدەيدىغان ئاجىز بىر تاياققا ئوخشايدۇ. ئاجىز تاياق ھايۋانغا تەسىر قىلالمايدۇ. شۇڭا، ماختىلىدىغان قورقۇش — كىشىنى ھاراملاردىن توسىدىغان ۋە پەرزلەرنى ئادا قىلىشقا قىستىغۇچى قورقۇشتۇر. بۇ دەرىجىدىكى قورقۇش «تەقۋالىق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بۇ قورقۇش تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شۈبھىلىك نەرسىلەردىنمۇ يىراقلاشتۇرسا، ئۇ «پارىسلىق (ۋەرەئ)» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر پۈتۈن كۈچى بىلەن پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا ياشاشقا ئېلىپ بارسا، «سەمىمىيلىك (سىدقى)» دەپ ئاتىلىدۇ.

قورقۇشنىڭ قىسىملىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “قورقۇشنىڭ قىسىملىرى توغرىسىدا”

شۇنى بىلگىنكى، قورققۇچىلارنىڭ مەرتىۋىلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ:

  • ئۇلاردىن تەۋبە قىلىشنىڭ ئالدىدا قەلبى ئۆلۈم قورقۇنچىغا تەسلىم بولىدىغان كىشىلەر بار.
  • بەزىلەر ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلەر بىلەن ئاستا-ئاستا جازالايدىغانلىق قورقۇنچىغا چۆمىدۇ.
  • بەزىلەر توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىشتىن قورقۇش مەرتىۋىسىدە تۇرىدۇ.
  • بەزىلەر ئەزەلدىن ئۆزىگە پۈتۈلگەن تەقدىردىن قورقىدۇ. بۇ ئەڭ ئالىي قورقۇشتۇر. چۈنكى پۈتۈلگەن تەقدىر ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغان.
  • بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوڭ ۋە سول پۇتىدىكى بالىلارنى كۆرسىتىپ: «ئاۋۇلار جەننەتتە بولىدۇ، پەرۋا قىلمايمەن. ئاۋۇلار دوزاختا بولىدۇ، پەرۋا قىلمايمەن» دېگەن.
  • بەزىلەر سەكراتتىن ۋە ئۆلۈم قىيىنچىلىقىدىن ياكى مۇنكىر-نەكىرنىڭ سوئالىدىن، ياكى قەبرە ئازابىدىن قورقىدۇ.
  • بەزىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى ھەيۋەتتىن، ھېساب ئېلىنغاندا ئىنچىكە ھېساب ئېلىنىشتىن، پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈشتىن، دوزاخ ۋە دوزاختىكى قورقۇنچلۇق ئازابلاردىن قورقىدۇ ياكى جەننەتتىن مەھرۇم قېلىشتىن، ياكى ئاللاھ تائالا بىلەن ئوتتۇرىدا پەردە تارتىلىشىدىن قورقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يامان كۆرۈلىدىغان ۋە قورقۇنچ قوزغايدىغان سەۋەبلەردۇر.

ئاللاھ تائالا بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىدا پەردە تارتىلىشىدىن قورقۇش مەرتىۋىسى قورقۇشنىڭ ئەڭ ئالىي مەرتىۋىسى بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچىلارنىڭ قورقۇشىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدىكىسى زاھىدلار ۋە ئابىدلارنىڭ قورقۇشىدۇر.

پەسىل: قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىككىسىدىن غالىب بولۇشى كېرەك بولغان سۈپەت ھەققىدە

بۆلۈم: “پەسىل: قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىككىسىدىن غالىب بولۇشى كېرەك بولغان سۈپەت ھەققىدە”

ھەرقانداق نەرسىنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ بەخت-سائادەتنى تەلەپ قىلىشقا ياردىمى بولۇش مىقدارىچە بولىدۇ. بەخت-سائادەت بولسا ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا ياردەم بەرگەن ھەرقانداق نەرسە پەزىلەتلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ (ھېساب بېرىشتىن) قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار» «55ئەرراھمان-46». «ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ» «98بەييىنە-8».

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر بەندىنىڭ تېنىنى ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ تىترەك باسسا، ئۇنىڭ گۇناھلىرى قۇرۇق دەرەختىن غازاڭ تۆكۈلگەندەك تۆكۈلىدۇ».

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە: «قەلبىدە ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى بار كىشىگە ئاللاھ تائالا ئوتنى ھارام قىلىدۇ» دېگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ: ‹قۇدرىتىم ۋە ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن قەسەمكى! مەن بەندەمگە ئىككى قورقۇنچ بىلەن ئىككى خاتىرجەملىكنى تەڭ جەم قىلمايمەن. بەندەم مەندىن دۇنيادا ئەمىن بولسا، ئۇنى قىيامەت كۈنى قورقۇتىمەن. ئەگەر مەندىن دۇنيادا قورقسا، ئۇنى قىيامەت كۈنى خاتىرجەم قىلىمەن›».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىككى تۈرلۈك كۆزگە مەڭگۈ دوزاخ ئوتى يەتمەيدۇ: ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كۆز ۋە ئاللاھ يولىدا كېچىدە قاراۋۇللۇق قىلغان كۆز».

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار، ئەلبەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار، تائاملار بېقىنىڭلارغا پاتمىغان، كارىۋاتلاردا ئاياللىرىڭلار بىلەن راھەتلەنمىگەن بولاتتىڭلار ۋە ئېگىز-ئېگىز دۆڭلەرگە چىقىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىڭراپ يىغلىغان بولاتتىڭلار».

قورقۇشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى ئۈمىد قىلىشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئەۋزەلمۇ، ۋەياكى ئىككىلىسىنىڭ ئوتتۇراھال بولۇشى ئەۋزەلمۇ؟

بۆلۈم: “قورقۇشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى ئۈمىد قىلىشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئەۋزەلمۇ، ۋەياكى ئىككىلىسىنىڭ ئوتتۇراھال بولۇشى ئەۋزەلمۇ؟”

سوئال: «قورقۇش ئەۋزەلمۇ ياكى ئۈمىد قىلىشمۇ؟» دەپ سورىغۇچىنىڭ سۆزى «نان ئەۋزەلمۇ ياكى سۇ ئەۋزەلمۇ؟» دەپ سورىغىنىغا ئوخشاشمۇ؟

جاۋاب: ئاچ قالغان كىشىگە نان ئەۋزەل، ئۇسسىغان كىشىگە سۇ ئەۋزەل. ئەگەر بىر ئادەمدە ئاچلىق بىلەن ئۇسسۇزلۇق بىر ۋاقىتتا جەم بولسا، قايسى بىرى ئېغىر بولسا، شۇنىڭ ئەۋزەللىكى بايان قىلىنىدۇ. قورقۇش ۋە ئۈمىدۋارلىق نېئمەتلىرىگە كەلسەك، ئىككىسى قەلب كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان ئىككى دورىدۇر. شۇڭا، ئاللاھ تائالانىڭ مەكرىدىن ئەمىن بولۇپ قېلىش كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان ئادەم ئۈچۈن قورقۇش ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئۈچۈن ئۈمىدۋار بولۇش ئەۋزەلدۇر. گۇناھكار كىشى ئۈچۈنمۇ قورقۇش ئەۋزەلدۇر.

ئەگەر «مۇتلەق ھالەتتە ئىككىسىنىڭ قايسىسى ئەۋزەل؟» دېيىلسە: گۇناھسىز تەقۋادار كىشى ئۈچۈن ئىككىسىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى ئەۋزەلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى سەلەفلەر: «ئەگەر مۇئمىننىڭ قورقۇنچى بىلەن ئۈمىدۋارلىقى ئۆلچەنسە، ئىككىسى تەڭ كېلەتتى» دېگەن.

سەكرات ھالىتىگە كەلسەك، سەكراتتىكى كىشى ئۈچۈن ئۈمىدۋارلىق غالىب بولۇشى ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، ئۆلۈم ئالدىدىكى كىشىگە قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. چۈنكى، قورقۇشنىڭ مەقسىتى كىشىنى ئەمەلگە تۈرتكە قىلىش ۋە گۇناھتىن توسۇشتۇر. ھالبۇكى، سەكراتتىكى كىشى ئەمەل قىلىشقا قادىر ئەمەستۇر. بۇ ۋاقىتتا قورقۇش كۈچەيسە قەلبنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ. سەكراتتىكى كىشىگە نىسبەتەن ئاللاھ تائالادىن پەقەت گۈزەل ئۈمىدۋارلىقتا بولۇش مۇھىمدۇر.

«سەھىھۇ مۇسلىم»دا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاللاھ تائالا ھەققىدە ياخشى گۇماندا بولغان ھالەتتىلا ئۆلسۇن».

ئىزاھاتلار:

  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6101)؛ مۇسلىم (2356). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
  • تىرمىزىي (2450). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 6222) «سەھىھ» دېگەن.
  • ئەھمەد (17696)؛ ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 84) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي («زىلالۇل جەننە»، 347) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
  • ئىبنى ھىببان (640). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار («سەھىھۇلجامىئ»، 4332) «ھەسەن» دېگەن.
  • بەززار (1322)؛ بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 782). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
  • تىرمىزىي (1639)؛ ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 4112) «سەھىھ» دېگەن.
  • ئەھمەد (21516)؛ تىرمىزىي (2312) سەنەدى ھەسەن.
  • مۇسلىم (2877).

پەسىل: قورقۇشنى جەلپ قىلىش يولىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “پەسىل: قورقۇشنى جەلپ قىلىش يولىنىڭ بايانى”

قورقۇش ئىككى يول بىلەن ھاسىل بولىدۇ:

بۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىدىن يۇقىرىدۇر. مىسال: بىر كىچىك بالا ئۆيىدە ئولتۇرغاندا، ئۆيگە يىرتقۇچ ھايۋان ياكى يىلان كىرسە، كىچىك بالا ئۇنىڭدىن قورقماسلىقى، بەلكىم يىلاننى ئويناش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قولىنى سوزۇشى مۇمكىن. ئەگەر دادىسى يېنىدا بولۇپ، يىلاندىن قورقۇپ تىترەپ كەتسە، بالىمۇ دادىسىنىڭ قورققىنىنى كۆرۈپ يىلاندىن قورقىدۇ. بۇ ئىككى قورقۇشنىڭ ئەۋزىلى دادىسىنىڭ قورقۇشىدۇر. چۈنكى، دادىسى يىلاننىڭ سۈپىتىنى ۋە ئۇنىڭ چېقىۋېلىشى ھالاك قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن قورقتى. بالىنىڭ قورقۇشى بولسا تەقلىدىي قورقۇشتۇر.

شۇنىڭغا ئوخشاش، كىشىلەرنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشىمۇ ئىككى مەرتىۋىدە بولىدۇ:

  1. بىرىنچى مەرتىۋە: ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇش. بۇ بولسا ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ قورقۇشىدۇر. بۇ قورقۇش دوزاخنىڭ دەھشىتى ۋە ئازابلىرىنى، جەننەت نېئمەتلىرىدىن مەھرۇم قېلىشنى ئويلىنىشتىن ھاسىل بولىدۇ.
  2. ئىككىنچى مەرتىۋە: ئاللاھ تائالادىن قورقۇش. بۇ بولسا ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچى ئالىملارنىڭ قورقۇشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىدىن قورقۇتىدۇ…» «3ئال ئىمران-28». ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ سۈپەتلىرى قورقۇش ۋە ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئاللاھ تائالادىن يىراق قېلىشتىن ۋە ئوتتۇرىدا پەردە تارتىلىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. زۇننۇن ئەلمىسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇشنىڭ ئالدىدا دوزاختىن قورقۇش دېڭىزدىن بىر تامچىدەكلا گەپتۇر».

بارلىق كىشىلەرنىڭ بۇ تۈرلۈك قورقۇشتىن بىر قىسىم نەسىبىسى بولىدۇ. لېكىن، بۇ قورقۇش باشقىلارغا تەقلىد قىلىش بىلەن بولسا، خۇددى كىچىك بالىنىڭ دادىسىغا ئەگىشىپ يىلاندىن قورققىنىغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تۈرلۈك قورقۇش ئاجىز بولىدۇ. چۈنكى، باشقىلارغا ئەگىشىپ تەقلىد بىلەن قىلىنغان ئېتىقادلار كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاجىز بولىدۇ.

«سەھىھۇ مۇسلىم»دىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! «ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغانلىقىدىن قورقۇپ، بېرىدىغان نەرسىلىرىنى بەرگەنلەر» «23مۇئمىنۇن-60» دېگەن كىشىلەر ھاراق ئىچىپ، ئوغرىلىق قىلىدىغانلارمۇ؟» دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ياق، ئى سىددىقنىڭ قىزى! بەلكى ئۇلار روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇپ، سەدىقە بېرىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىدىن قوبۇل قىلىنماي قېلىشىدىن قورقىدىغان كىشىلەردۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئاللاھ تائالا مۆئمىنلەرنى مەغپىرەت قىلىش ۋەدىسىنى: «مەن ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان كىشىنى ئەلبەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرمەن» «20تاھا-82» دېگەن كۆرۈنۈشى ئۈمىد قىلىش، ئەمما قاتتىق قورقۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان تۆت شەرتكە باغلىدى.

قورقۇتقۇچى ئايەتلەردىن ئەسر سۈرىسىدىكى بۇ ئايەتلەر بار: «زامان بىلەن قەسەمكى! ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر-بىرىگە سەبرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەرقانداق ئىنسان ئەلبەتتە زىيان ئىچىدەدۇر» «103ئەسر-1-3». ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە نىجاتلىقنى تۆت شەرتكە باغلىدى.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىز خالىساق، ھەر ئادەمنى ئەلۋەتتە ھىدايەت قىلاتتۇق، لېكىن مەندىن (ئازاب ھەققىدە) شۇنداق سۆز چىققان: جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (گۇناھكارلار بىلەن) جەھەننەمنى چوقۇم لىق توشقۇزىمەن» «32سەجدە-13».

مەلۇمكى، ئەگەر ئىش ئەزەلدىن پۈتۈلمەيدىغان بولسا ئىدى، ئىنساندىكى تەمە مىكىر ئىشلىتىشكە بېرىلگەن بولاتتى. ئەگەر بەلگىلەنگەن پۈتۈك ئالدىن پۈتۈلۈپ كەتكەن بولسا، ئەلۋەتتە خاتىمىنىڭ يامان بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇش كېرەك بولىدۇ.

ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆلەر ۋاقتىدا ئىمانى تارتىلىپ كەتمەسلىكىدىن ئەمىن بولسا، ئۇنىڭ ئىمانى تارتىپ ئېلىنىدۇ».

سۇفيان سەۋرىي ئۆلۈمىنى سەزگەندە يىغلاشقا باشلىدى. بىر كىشى: — ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! مەن سېنى گۇناھلىرى كۆپ كىشى ئوخشايدۇ دەپ قورقۇۋاتىمەن، — دېگەنىدى، سۇفيان سەۋرىي يەردىن بىر تال چۆپنى كۆتۈرۈپ: — ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! مېنىڭ نەزەرىمدە گۇناھلىرىم بۇنىڭدىنمۇ يەڭگىلدۇر، لېكىن مەن ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا ئىمانىمنىڭ تارتىلىپ كېتىشىدىن قورقۇۋاتىمەن، — دېدى.

سەھل رەھىمەھۇللاھ دەيدۇ: «ئاللاھ رازىلىقىنى ئىرادە قىلغۇچى گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىلەن سىنىلىشتىن قورقىدۇ. ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغۇچى ئاللاھقا كافىر بولۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ».

رىۋايەت قىلىنىدۇكى: بىر پەيغەمبەر ئاللاھ تائالاغا ئاچ ۋە يالىڭاچ قالغانلىقتىن شىكايەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ۋەھيى قىلىپ: — ئى بەندەم! قەلبىڭنى ماڭا كافىر بولۇشتىن ساقلاپ قالغىنىمغا رازى بولمىدىڭمۇ؟ يەنە دۇنيا سورامسەن؟! — دېگەندە، ئۇ پەيغەمبەر: — يوقسۇ، مەن رازى بولدۇم، رەببىم! مېنى كۇفۇردىن ساقلاپ قالغىن، — دەيدۇ.

بىدئەتچىلىك، مۇناپىقلىق، تەكەببۇرلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يامان سۈپەتلەر ئىنساننىڭ يامان ئاقىۋەتتە ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. سەلەفلەر مۇناپىقلىقتىن قاتتىق قورقاتتى. ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مەن مۇناپىقلىقتىن پاك ئىكەنلىكىمنى بىلەلىگەن بولسام، بۇ ماڭا پۈتۈن دۇنيادىن سۆيۈملۈك بولغان بولاتتى». ئۇلار ئەقىدىدىكى مۇناپىقلىقنى ئەمەس، بەلكى سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك ئەمەللەردىكى مۇناپىقلىقتىن قورقاتتى.

ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچ: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ» دېگەن.

يامان ئاقىۋەتتە ئۆلۈشنىڭ ئىككى دەرىجىسى باردۇر:

بۆلۈم: “يامان ئاقىۋەتتە ئۆلۈشنىڭ ئىككى دەرىجىسى باردۇر:”
  1. بىرىنچىسى: بۇ ئىككى دەرىجىنىڭ چوڭىدۇر. ئۇ بولسا: سەكراتقا چۈشكەندە ۋە ئۇنىڭ تەشۋىشلىرى باسقاندا، قەلبىدە شەك-شۈبھە ياكى ئىنكار پەيدا بولۇپ، روھى شۇ شەكتە تۇرۇپ قەبزى قىلىنىشتۇر. نەتىجىدە، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك پەردە تارتىلىدۇ. بۇ بولسا ئەبەدىي بەختسىزلىكتۇر.
  2. ئىككىنچىسى: بۇ بىرىنچىسىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى، ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرلىرىگە رازى بولماسلىق، قايغۇرۇش، دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىك ياكى دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىش غېمىگە پاتقان ھالەتتە جېنى چىقىپ كېتىشتۇر. ئەگەر كىشى دۇنياغا ئېسىلغان ھالەتتە ئۆلسە، ئۇ كىشى دوزاخقا تاشلىنىدۇ، كېيىن تەۋھىد بەرىكىتى بىلەن دوزاختىن چىقىرىلىشى مۇمكىن.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى: ئادەم بالىسىغا ئۆلۈم كەلگەندە، شەيتان ئۇنىڭغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ياردەمچىلىرىگە: «بۇ ئادەمنى ئازدۇرۇڭلار! ئۇ بۈگۈن دۇنيادىن كېتىپ قالسا ئۇنى ئازدۇرالمايسىلەر» دەيدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دۇئا قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، ئۆلۈم ۋاقتىدا شەيتاننىڭ ماڭا چېپىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن».

خەتتابىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلۈم ۋاقتىدا شەيتاننىڭ چېپىلىشى بولسا، شەيتاننىڭ ئىنساننى ئازدۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان ھۇجۇمىدۇر. چۈنكى، شۇ دەمدە شەيتان ئادەم بالىسىنى ئازدۇرۇشقا قادىر بولسا، ئۇنى يامان خاتىمە بىلەن قەستلىگەن بولىدۇ».

يامان ئاقىۋەتتە ئۆلۈشكە ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىش مۇمكىن ئەمەستۇر. لېكىن، ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆت نەرسىگە قايتىدۇ:

  • بىرىنچى سەۋەب: بىدئەت ۋە ئازغۇن ئەقىدىلەر. بىر كىشى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە شەرىئەت كۆرسەتمىسىدىن يىراقلىشىپ، شەخسىي ئەقلىگە تايىنىپ فاساد ئېتىقادقا كىرىپ قالسا، سەكرات ۋاقتىدا ھەقىقەت ئېچىلغاندا ئېتىقادى باراقسان بولۇپ، دىنى يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
  • ئىككىنچى سەۋەب: ئىماننىڭ ئاجىزلىقى ۋە دۇنياغا قۇل بولۇش. گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلغان ھالىتىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىش سەۋەبى بولسا، ئەسلىدىلا ئىماننىڭ ئاجىزلىقى، دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ۋە دۇنياغا مايىل بولۇشتۇر. قەلبىدە ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىنى دۇنيا مۇھەببىتىدىن يۇقىرى ھالەتتە ھېس قىلغان كىشى بۇ خەتەردىن يىراقتۇر. ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەن ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا ئىشتىياق باغلىغۇچى ياخشى بەندە ھالىتىدە كېلىدۇ.
  • ئۈچىنچى سەۋەب: كىمنىڭكى خىيالىغا ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىنى ئىنكار قىلىش كىرگەن ياكى ئىزچىل ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان بولسا، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ قەلبى قارا بولۇپ، ئۆلەر چاغدا تىلىغا كەلىمە كەلمەي، ئەسكى ھالدا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
  • تۆتىنچى سەۋەب: نىفاق ۋە رىياكارلىق. كىشىلەر ئالدىدا ئىبادەتكار كۆرۈنۈپ، يالغۇز قالغاندا ئاللاھتىن ھايا قىلماي پەس ئىشلارنى قىلىش. بۇ سۈپەت پۇتنى سىيرىلدۇرۇپ، يامان ئاقىۋەتكە يېتەكلەيدۇ.

بۇ خەتەرلەردىن سالامەت قېلىشنى كۆزلىگەن كىشى ھالاكەت سەۋەبلىرىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭدەك، ئىنسان يامان ئاقىۋەتتە ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇشى، ئۆزىنىڭ ئەمەللىرىگە ئالدانماسلىقى لازىم.

«سەھىھەين»دە سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى قىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، ھالبۇكى ئۇ دوزاخ ئەھلىدىندۇر. يەنە بىر كىشى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى قىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، ھالبۇكى ئۇ جەننەت ئەھلىدىندۇر. چۈنكى ئەمەللەر خاتىمىسىگە قاراپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ».

يامان ئاقىۋەتتە ئۆلۈشنىڭ مەنىسىنى بىلگەن بولساڭ، بۇنىڭغا سەۋەب بولىدىغان خۇسۇسلاردىن ئېھتىيات قىلغىن.

شۇنى بىلگىنكى، ئاخىرەتكە لايىقىدا تەييارلىق قىلىش پەقەت ئۆرە تۇرالىغۇدەك يېمەكلىككە قانائەت قىلىش ۋە تۇرمۇشقا لازىملىق نەرسىلەردىن ئارتۇقىنى تەلەپ قىلماسلىق بىلەنلا قولاي بولىدۇ. بىز نۆۋەتتە قەلبىڭدىكى بەزى قاتتىقلىقلارنى يوقىتىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن قورققۇچىلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى ساڭا بايان قىلىمىز. سەن پەيغەمبەرلەر ۋە ۋەلىيلەرنىڭ سەندىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسەن. نەفسىڭنىڭ پايدىسىغا تەييارلىق قىلىشىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالادىن قاتتىق قورقىدىغانلىقىنى ئويلىغىن.

پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىنىڭ بايانى”

ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر) ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈرىدۇ» «16نەھل-50».

بىزگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ شۇنداق پەرىشتىلىرى باركى، ئۇلار ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ تىترەپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن چىققان ياشلار سەۋەبلىك ئۇلار سۈجدىدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. قىيامەت بولغاندا، ئۇلار: ‹ئى رەببىمىز! سەن پاكتۇرسەن، بىز ساڭا لايىقىدا ئىبادەت قىلالمىدۇق› دەيدۇ».

دەرلەركى: ئەرشنى كۆتۈرىدىغان پەرىشتىلەر ئىچىدە ئىككى كۆزىدىن دەرياغا ئوخشاش ياش ئاقىدىغان پەرىشتىلەر بار.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مىراج كېچىسى مەن جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم، ئۇ ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ، كونا پىلاشتەك يەرگە يېپىشىپ كەتكەن ئىدى».

دەرلەركى: جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا يىغلىغان ھالەتتە كەلگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: — نېمىشقا يىغلايسەن؟ — دېدى. جىبرىل: — ئاللاھ تائالا جەھەننەمنى ياراتقاندىن باشلاپ، مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ قالسام ئۇنىڭ مېنى جەھەننەمگە تاشلىشىدىن قورقۇپ، كۆزۈمدىن ياش قۇرۇپ باقمىدى، — دەپ جاۋاب بەردى.

يەزىد ئەررەققاشىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ ئەرش ئەتراپىدا قىيامەت كۈنىگىچە كۆزلىرىدىن دەرياغا ئوخشاش ياشلار ئاقىدىغان پەرىشتىلىرى بار. ئۇلار خۇددى شامال دەرەخنى ھەرىكەتلەندۈرگەندەك، ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ مىدىرلاپ كېتىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: — سىلەر مېنىڭ قېشىمدا تۇرساڭلار، سىلەرنى نېمە قورقۇتىدۇ؟ — دەيدۇ. ئۇلار: — رەببىمىز! ئەگەر ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلى سېنىڭ قۇدرىتىڭ ۋە كاتتىلىقىڭدىن بىز بىلگەننى بىلگەن بولسا ئىدى، ئۇلار يېگەن-ئىچكىنىنى سىڭدۈرەلمىگەن، تۆشەكلىرىدە راھەت ئۇخلىيالمىغان ۋە تاغلارغا چىقىپ، ھايۋانلاردەك ئىڭراپ يىغلىغان بولاتتى، — دەيدۇ».

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىنىڭ بايانى”

ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتتە خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىپ 300 يىل بېشىنى ئاسمانغا كۆتۈرمەي يىغلىغان ئىدى».

ۋۇھەيىب ئىبنى ۋەرد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ ئوغلى ھەققىدە كايىپ: «مەن ساڭا جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن» «11ھۇد-46» دېگەندە، نۇھ ئەلەيھىسسالام 300 يىل يىغلاپ، كۆز ياشلىرى مەڭزىدە ئېرىقچە پەيدا قىلغان ئىدى.

ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇرغاندا، ئاللاھتىن قورققانلىقتىن ئۇنىڭ كۆكسىدىن قاينىغان قازاننىڭ ئاۋازىدەك ئاۋاز ئاڭلىناتتى. ئاللاھ تائالانىڭ: ‹ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، كۆپ ئاھ چەككۈچى، ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلغۇچى زاتتۇر› «11ھۇد-74» دېگەن ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ».

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «داۋۇد ئەلەيھىسسالام خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، 40 كۈن ئاللاھ تائالاغا سۈجدە قىلىپ بېشىنى كۆتۈرمىدى، كۆز ياشلىرىدىن ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر بېشىنى ياپتى. ئۇ: — پەرۋەردىگارىم! پېشانەم جاراھەتلەندى، كۆزۈمدە ياش قالمىدى، داۋۇدقا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى، — دېدى. ئۇنىڭغا: — ئاچ قورساقمۇسەن؟ يېمەك بېرەي؟! كېسەل بولساڭ، شىپالىق بېرەي؟! زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولساڭ، ياردەم بېرەي؟! — دەپ خىتاب قىلىندى. بۇنى ئاڭلاپ داۋۇد ئەلەيھىسسالام پۇچۇلىنىپ، سۆڭەكلىرى قوزغىلىپ، شۇنداق كۈچلۈك ئىڭرىدىكى، ئۇنىڭ كۆكسىدىن چىققان قىزىق تىترەكتىن يېنىدىكى ئوت-چۆپلەر كۆيۈپ كەتتى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى».

دەرلەركى: «كىشىلەر داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى كېسەل ئوخشايدۇ دەپ يوقلىشاتتى، ھالبۇكى ئۇ كېسەل ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇنىڭدا ئاللاھتىن قورقۇش كۈچلۈك ئىدى».

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆلۈمنى ئەسلىسە، تېرىسىدىن قان تامچىلايتتى.

يەھيا ئىبنى زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ يىغلاپ، مەڭزى جاراھەتلىنىپ، ئېزىق چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. ئانىسى كىگىزدىن ئىككى پارچە ياماق ياساپ، ئۇنىڭ مەڭزىدىكى يوچۇقلار كۆرۈنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن مەڭزىگە چاپلاپ قويغان ئىدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشى

بۆلۈم: “پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشى”

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىچىك تىلى كۆرۈنۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە كۈلگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. رەسۇلۇللاھ پەقەت تەبەسسۇم قىلاتتى. ئاللاھ ئەلچىسى ھاۋانىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ياكى بوران چىققانلىقىنى كۆرسە، قورققانلىقى يۈزىگە چىقاتتى. مەن ئۇ زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: — ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر ھاۋانىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسە، يامغۇرنىڭ يېغىشىنى ئۈمىد قىلىپ خۇشال بولىدۇ. ھالبۇكى سىز ھاۋا تۇتۇلغانلىقىنى كۆرگەندە يۈزىڭىزدىن بىئاراملىق ئالامىتى كۆرۈۋاتىمەن، — دېگەنىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: — ئى ئائىشە! ئۇنىڭدا ئازاب بولۇپ قالماسلىقىدىن مەن قانداق ئەمىن بولالايمەن؟! بىر قەۋم بوران بىلەن ئازاب قىلىندى. ھالبۇكى، ئۇ قەۋم ئازابنى كۆرۈپ: ‹بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان بۇلۇتتۇر› «46ئەھقاف-24» دېگەن ئىدى، — دېدى».

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇۋاتقاندا يىغلىغانلىقتىن، قورسىقىدىن قازاننىڭ قاينىغان ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى.

ساھابەلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشى

بۆلۈم: “ساھابەلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشى”

رىۋايەت قىلىنۇركى: «ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تىلىنى تۇتاتتى ۋە: ‹بۇ تىل مېنى ھالاكەت ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كەلدى› دەيتتى». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «كاشكى مەن كېسىپ تاشلىنىپ، قالىنىدىغان دەرەخ بولغان بولسامچۇ!» ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا تەلھە، ئەبۇددەردائ ۋە ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارمۇ بۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلەرنى قىلغان.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئايەتنى ئاڭلىسا، ئايەت تەسىر قىلىپ كېسەل بولۇپ قالاتتى ۋە باشقىلار ئۇنى يوقلاپ كېلەتتى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى يەردىن بىر تال ساماننى ئېلىپ: «كاشكى مەن مۇشۇ سامان بولغان بولسامچۇ! كاشكى مەن ھېچنېمە بولمىغان بولسامچۇ! كاشكى مېنى ئانام تۇغمىغان بولسىچۇ! كاشكى مەن تىلغا ئېلىنمايدىغان بىر نەرسە بولۇپ قالغان بولسامچۇ!» دېگەن. ئۇنىڭ يۈزىدە يىغلىغانلىقتىن پەيدا بولغان ئىككى قارا سىزىق بار ئىدى.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ: «مەن ئۆلسەم، تىرىلدۈرۈلمەسلىكنى ئارزۇ قىلىمەن» دەيتتى. ئۇ بىر قەبرىنىڭ يېنىدا توختىسا، ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە يىغلايتتى.

ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «كاشكى مەن بىر قوچقار بولغان بولسامچۇ! ئىگىلىرىم مېنى گۆش قىلىپ يەپ، شورپامنى ئىچىپ تۈگەتكەن بولسىچۇ!» دەيتتى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مەڭزىدە كونا يىپقا ئوخشايدىغان ياش ئېرىقچىسى بار ئىدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ: «كاشكى مەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بىر نەرسە بولغان بولسامچۇ!» دەيتتى.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتۇر: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنى كۆرگەنمەن، بۈگۈن ئۇلارغا ئوخشايدىغان بىر كىمنى كۆرمىدىم. ئۇلار كۆپ ئىبادەت قىلىپ چاچلىرى رەتسىز، چاڭ-توزان باسقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزاتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆچكىنىڭ تىزلىرىغا ئوخشاش ئىزلار بار ئىدى. ئۇلار ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى تىلەپ، كېچىلەرنى سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتى «25فۇرقان-64». پېشانىلىرى ۋە قەدەملىرى ئارىسىدا نۆۋەتلەشكەن (يەنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان) ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ، كېچىلەرنى ئۆتكۈزەتتى. ئۇلار تاڭ ئاتقاندا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىپ، شامال چىققاندا تەۋرەنگەن دەرەخكە ئوخشاش تەۋرىنەتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئېقىپ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كېتەتتى. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! مەن ھازىر كىشىلەرنى غەپلەتتە يېتىۋاتقاندەك كۆرۈۋاتىمەن».

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە مۇنداق دەيتتى: «مەن سىلەر ئۈچۈن ئىككى نەرسىدىن بەكمۇ قورقىمەن: ئۇزۇن ئارزۇ-ھەۋەس ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىش. ئۇزۇن ئارزۇ-ھەۋەس ئاخىرەتنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ؛ ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىش بولسا ھەقتىن توسىدۇ».

تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىنىڭ بايانى”

ھەرەم ئىبنى ھەييان رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! مەن تۆگە يەيدىغان بىر دەرەخ بولۇپ يارىتىلىپ، كېيىن چىقىرىۋېتىلگەن تىزەك بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ! كاشكى مەن ھېساب ئېلىنىدىغان ئىنسان بولمىغان بولسامچۇ!»

مۇھەممەد ئىبنى ۋاسىئ رەھىمەھۇللاھ تولۇق بىر كېچە توختاپ قالماي يىغلايتتى. ئەگەر ئۇنىڭغا: — ساڭا نېمە بولدى؟ — دېيىلسە، ئۇ: — سىلەر مېنىڭ كىمنىڭ ئالدىدا تۇرماقچى بولغىنىمنى بىلەمسىلەر؟! — دەيتتى.

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ ئۆلۈمنى ئەسلىگەندە، قۇشنىڭ ھەرىكەت قىلغىنىدەك پەرۋاز قىلىپ يىغلايتتى، ھەتتا ئەھلى-ئاياللىرى ئۇنىڭ پۇچۇلانغانلىقىنى كۆرۈپ بىللە يىغلىشاتتى. ئانىسى ئۇنىڭغا: — ئى مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! دادام ساڭا فىدا بولسۇن، نېمىشقا يىغلىدىڭ؟ — دەپ سورىغانىدى، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز: — مەن كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىن قايتىش مەنزىلى ھەققىدىكى ‹بىر پىرقە جەننەتتە، يەنە بىر پىرقە دوزاختا بولىدۇ› «42شۇرا-7» دېگەن ئايەتنى ئەسلىدىم ۋە بۇ ئىككى پىرقەنىڭ قايسىسىدىن بولۇپ قېلىشىمنى بىلمەي يىغلىدىم، — دېدى ۋە توۋلاپ ھوشىدىن كەتتى.

مەنسۇر بەيتۇلمۇقەددەسكە بارماقچى بولغاندا، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھقا سۆھبەتداش بىر ئابىدنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا: — ماڭا سەن ئۆمەردىن كۆرگەن ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك ئىشنى سۆزلەپ بەرگىن، — دېگەنىدى، ئابىد: — ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىر كېچىسى مېنىڭ بۇ مەرمەر ئۆگزىلىك ھۇجرامنىڭ ئۆگزىسىدە ياتتى. مەن ئۇشتۇمتۇت نودىن ئاققان سۇنى كۆرۈپ، ‹يامغۇر ياغدىمىكىن› دەپ ئۆگزىگە چىقسام، ئۆمەر سۈجدىدە ياتقان پېتى كۆز يېشىنى ئاققۇزۇۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ ياشلىرى مەرمەر ئۆگزىدىن ئېشىپ، نودىن شارقىراپ ئېقىۋاتاتتى، — دېدى.

بىزگە رىۋايەت قىلىندىكى: ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە فەتىھ مەۋسىلىي ئىككىسى ئاللاھتىن قورققانلىقتىن تۈگۈلۈپ كەتكەن ئىدى.

ئىبراھىم ئىبنى ئىيسا يەشكۇرىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «مەن بەھرەيىندە تەركى خالايىق ھالدا ئىبادەت قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ يېنىغا باردىم. مەن ئۇنىڭغا سالام قىلسام، ئۇ يىغلاپ كەتتى ۋە: ‹ئى ئىنسان! ماڭا ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىدىغان قىيامەت كۈنىنى ئەسلەتتىڭ› دېدى ۋە ھوشىدىن كەتتى. مەن قورقۇپ قېچىپ كەتتىم».

مىسمەئ رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «مەن ئابدۇرراھمان ئىبنى زەيىدنىڭ ۋەز-نەسىھەت قىلىۋاتقان مەجلىسىدە ھازىر بولدۇم. ئۇ شۇنداق قورقۇنچلۇق سۆزلىدىكى، شۇ مەجلىستە بىر كىشى قورقۇنچنىڭ دەھشىتىدىن ۋاپات بولدى».

يەزىد ئىبنى مىرسەد ناھايىتى كۆپ يىغلايتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى پەقەت مۇنچىدا تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن ئازابلاشنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، مېنىڭ يىغام توختىماسلىققا لايىق ئىدى. ئۇنداقتا، پەرۋەردىگارىم مېنى مىڭ يىل دوزاختا قالدۇرۇشنى ئىرادە قىلغان بولسا ئەھۋالىم قانداق بولار؟!».

سەرىييۇسسەقەتىي رەھىمەھۇللاھ: «مەن ھەر كۈنى گۇناھىم سەۋەبلىك يۈزۈم قارىداپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئەينەككە قارايمەن» دەيتتى.

ۋەلھاسىل، بۇ بايانلار پەرىشتىلەرنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ، ئابىدلارنىڭ ۋە ئەۋلىيالارنىڭ ئاللاھ تائالادىن قانچىلىك دەرىجىدە قورققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ قورقماسلىقىمىز گۇناھىمىزنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس، بەلكى قەلبىمىزنىڭ قارىداپ كەتكەنلىكى ۋە غەپلىتىمىزنىڭ چوڭقۇرلىقىدىندۇر. تىرىك قەلبكە ئازغىنا قورقۇتۇشمۇ ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، تاش قەلبكە ھەرقانداق ۋەز-نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ.

سەلەف-سالىھلاردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مەن بىر ئابىدقا: — ماڭا ۋەسىيەت قىلغىن، — دېگەنىدىم، ئۇ: — ئەگەر سەن يىرتقۇچ ھايۋاناتلار ۋە ھاشاراتلار قورشىۋالغان، ئېھتىيات قىلمىسا يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن ياكى چىشلىشىدىن ھەزەر ئەيلەپ قورقۇپ تۇرىدىغان ئادەمدەك بولۇشنى خاھلىساڭ، قورققۇچىلاردەك بولغىن، — دېدى. مەن: — ماڭا يەنە سۆزلەپ بەرگىن، — دېسەم، ئۇ ئابىد ماڭا: — ئۇسسۇز قالغان كىشىگە ئازغىنا سۇ كۇپايە، — دېدى».

ئۇ ئابىدنىڭ بۇ كىشىگە ئېيتقان يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە ھاشاراتلار قورشىۋالغان بىر كىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش مىسالى ئەڭ ئېسىل مىسالدۇر. چۈنكى ھەرقانداق كىشىگە گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەبرىسىدە يىلان-چايان بولۇپ ئېسىلىدۇ. شۇڭا ئىنسان ھەر دەقىقىدە ئۇلاردىن قورقۇپ، ھوشيار بولۇشى كېرەك.

قورقۇش توغرىسىدىكى تېما ئاخىرلاشتى.

ئىزاھاتلار:

  • مۇسلىم (2662).
  • بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 832).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (33، 6094)؛ مۇسلىم (59). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • ئەھمەد (15562)؛ ئەبۇ داۋۇد (1552)؛ نەسائىي (7917). ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 1282) «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇليۇسر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4207)؛ مۇسلىم (112).
  • ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك («ئەززۇھد»، 930). تابىئىنلاردىن ئابدۇلئەزىز ئىبنى رۇفەيئدىن مۇرسەلدۇر.
  • مۇھەممەد ئىبنى نەسر ئەلمەرۋەزىي («تەئزىمۇ قەدرىسسالاتى»، 260)؛ بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 886). ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1988) «زەئىف» دېگەن.
  • ئىبنى ئەبىددۇنيا («ئەررىققە ۋەلبۇكائ»، 407)؛ بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 4516). سەنەدى زەئىف.
  • ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، 246)؛ سۇيۇتىي («ئەلجامىئۇسسەغىر»، 4679).
  • ئەبۇششەيخ («ئەلئەزەمە»، 383).
  • ئەبۇ نۇئەيم («ھىليەتۇل ئەۋلىيائ»، 4/5). تابىئىنلاردىن تاۋۇستىن مۇرسەلدۇر.
  • ئىبنى ئەبىددۇنيا («ئەررىققە ۋەلبۇكائ»، 311، 329، 381)؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك («ئەززۇھد»، 174).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4828، 4829)؛ مۇسلىم (899).
  • ئەھمەد (16355)؛ ئەبۇ داۋۇد (904)؛ نەسائىي (1156). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار («سەھىھۇتتەرغىب»، 544) «سەھىھ» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى شىخخىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • تىرمىزىي (2312) سەنەدى ھەسەن.

يىگىرمە بەشىنچى بۆلۈم: زاھىدلىق ۋە يوقسۇللۇق توغرىسىدا

بۆلۈم: “يىگىرمە بەشىنچى بۆلۈم: زاھىدلىق ۋە يوقسۇللۇق توغرىسىدا”

شۇنى بىلگىنكى، دۇنيانى ياخشى كۆرۈش كۈللى خاتالىقلارنىڭ بېشىدۇر. دۇنيانى يامان كۆرۈش بولسا بارچە تائەت-ئىبادەتنىڭ ئۇلىدۇر. ئىلگىرى «ھالاك قىلغۇچى ئىشلار» قىسمىدا دۇنيانىڭ خۇش كۆرۈلمەيدىغانلىقى بارىدا سۆزلەندى. بىز نۆۋەتتە دۇنيانى يامان كۆرۈشنىڭ پەزىلىتى ۋە دۇنيادا زاھىد بولۇشنىڭ ئەردىمى ھەققىدە سۆزلەيمىز. چۈنكى، ئۇ ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان ئىشلارنىڭ بېشىدۇر. دۇنيانى تاشلاش دۇنيانىڭ بەندىدىن يىراقلىشىشى بىلەن بولسا، بۇ «يوقسۇللۇق» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئەگەر بەندىنىڭ دۇنيادىن يىراقلىشىشى بىلەن بولسا، بۇ «زاھىدلىق» دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىنساننى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتە دەرىجىسى، ئۇنىڭغا دوزاختىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىشتە ۋە ئۇنى جەننەتكە ئېرىشتۈرۈشتە ھەسسىسى بولىدۇ.

بىز يوقسۇللۇق ۋە زاھىدلىق، ئىككىسىنىڭ دەرىجىلىرى، قىسىملىرى ۋە ئىككىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا ئىككى بابقا بۆلۈپ سۆزلەيمىز.

بىرىنچى باب: يوقسۇللۇق توغرىسىدا

بۆلۈم: “بىرىنچى باب: يوقسۇللۇق توغرىسىدا”

يوقسۇللۇقنىڭ ھەقىقىتى، يوقسۇل كىشىنىڭ ھال ۋە ئاتاقلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “يوقسۇللۇقنىڭ ھەقىقىتى، يوقسۇل كىشىنىڭ ھال ۋە ئاتاقلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنىڭ بايانى”

شۇنى بىلگىنكى، يوقسۇل دېمەك بىر نەرسىگە موھتاج بولغۇچى دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالادىن ئۆزگە ھەرقانداق مەخلۇق باشقا نەرسىگە موھتاجدۇر. چۈنكى، ئۇ مەخلۇق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشقا موھتاجدۇر. مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىدىن كېلىدۇ.

بەندىنىڭ تۈرلۈك ھاجەتلىرىگە قوشۇمچە بولغان ئېھتىياجى ساناقسىزدۇر. ھاجەتلەر ئىچىدە مال بىلەن قانائەت تاپىدىغان ھاجەتلەر بولىدۇ. ئىنسان كەمبەغەل بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى بەش ھالەت بولۇشى مۇمكىن:

  1. بىرىنچى ھالەت: كەمبەغەل كىشى ئۆزىگە بىرەر مال كەلسە، ئۇنى خاھلىماي، ئۇنىڭدىن مالامەت تارتىپ، مالنىڭ يامانلىقى ۋە تائەت-ئىبادەتتىن مەشغۇل قىلىشىدىن ساقلىنىپ ئۇنى ئېلىشتىن قېچىش. بۇ ھالەت ئىگىسى «زاھىد» دەپ ئاتىلىدۇ.
  2. ئىككىنچى ھالەت: مالغا قىزىقماسلىق، لېكىن مالغا ئېرىشىپ قالسا سۆيۈنۈش، مالامەت تارتىش دەرىجىسىدە مالنى يامان كۆرمەسلىك. بۇ ھالەت ئىگىسى «رازى بولغۇچى (مەمنۇن)» دەپ ئاتىلىدۇ.
  3. ئۈچىنچى ھالەت: مالغا قىزىقىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، مالنىڭ بار بولۇشى يوقلۇقىدىن سۆيۈملۈك بولۇش. لېكىن، مالغا قىزىقىشى بولغان بىلەن ئۇنىڭ يولىدا تىرىشماسلىق، بەلكى كۆپ مال كەلسە ياكى باشقىلار كەڭ قوللۇق قىلىپ مال بەرسە، مالنى خۇشاللىق بىلەن ئېلىش، مۇشەققەت بىلەن ئېرىشىلىدىغان مال ئۈچۈن ئاۋارە بولماسلىق. بۇ ھالەت ئىگىسى «قانائەت قىلغۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ.
  4. تۆتىنچى ھالەت: مال تېپىشتىن ۋاز كېچىش قۇربى يەتمىگەنلىكىدىن بولۇش، ئەگەر قۇربى يەتسە مالغا قىزىقىش ۋە ئىشلەپ چارچاپ تۇرۇپ مال تېپىشقا يول تاپسا، ئۇنى جاپادىن قورقماي تېپىش. بۇ ھالەت ئىگىسى «مالغا ھېرىسمەن كىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.
  5. بەشىنچى ھالەت: يېمەك-ئىچمەكنى يوقىتىپ قويغان ئاچ قورساق كىشى ياكى كىيىم-كېچەكنى يوقىتىپ قويغان يالىڭاچ كىشىگە ئوخشاش، ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىنى تېپىشقا مەجبۇرلانغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ قېلىش. بۇنداق ھالەت ئىگىسى ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىنى تەلەپ قىلىشتىكى قىزىقىشى ئاجىز بولسۇن ياكى كۈچلۈك بولسۇن «ئىلاجىسىز قالغان كىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ بەش ھالەتنىڭ ئەڭ ئەلاسى زاھىدلىقتىن ئىبارەت بىرىنچى ھالەتتۇر. بۇنىڭ كەينىدە ئۇنىڭدىنمۇ ئەلا بىر ھالەت بار. ئۇ بولسا بىر كىشىنىڭ يېنىدا مال بولۇشى بىلەن مال بولماسلىقنىڭ بېرىبىر بولۇش ھالىتىدۇر. بۇنداق كىشى مال تاپسا ئۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ كەتمەيدۇ، تاپالمىسا ئەلەم تارتمايدۇ.

بىز ئىلگىرى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلدۇقكى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئىككى كىچىك خالتىدا مال كەلگەنىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى شۇ كۈنىلا تارقىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۇنىڭ ئايال خىزمەتچىسى: — سىز بۈگۈن تەقسىم قىلغان پۇللاردىن بىر تەڭگىگە بىز ئىپتار قىلغۇدەك گۆش سېتىۋالغان بولسىڭىزچۇ! — دېگەنىدى، ئائىشە ئۇنىڭغا: — ئەگەر ئېسىمگە سالغان بولسىڭىز سېتىۋالاتتىم، — دېدى.

بىر كىشىنىڭ ئەھۋالى بۇ ھالەتتە بولسا، پۈتۈن دۇنيا ئۆز قولىدا بولغان تەقدىردىمۇ دۇنيا ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ دۇنيا ماللىرىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلەر ئۈچۈن قىلىپ قويىدۇ.

ئەھمەد ئىبنى ئەبىلھەۋارىي رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىيغا مۇنداق دېگەن: مالىك ئىبنى دىنار مۇنداق دېدى: «سەن ئۆيگە بارغىن، سەن ماڭا ھەدىيە قىلغان زاكات مالنى ئالغىن، چۈنكى شەيتان ماڭا ‹مالنى ئوغرى ئالدى› دەپ ۋەسۋەسە قىلىۋاتىدۇ» دېگەنىدى، ئەبۇ سۇلايمان: «مالىك ئىبنى دىنار كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى ئاجىز كىشىدۇر. ئۇ كىشى ئالغان دۇنيالىقىدىن ئۆزىنىڭ زىيىنىغا بولغان نەرسىدىن يۈز ئۆرىدى. شۇڭا، مالدىن قېچىپ ئۇنى يامان كۆرگۈچى كىشى پۈتۈن دۇنيا ئۆز قولىدا تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ بىلەن پەرۋايى پەلەك بولمىغان كىشىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ» دېدى.

پەسىل: يوقسۇللۇقنىڭ پەزىلىتى ۋە يوقسۇللۇقنىڭ بايلىقتىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: يوقسۇللۇقنىڭ پەزىلىتى ۋە يوقسۇللۇقنىڭ بايلىقتىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا”

بۇ ھەقتىكى ئايەتلەرگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا يوقسۇللارنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: «(سەدىقىلەر) ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، (تىرىكچىلىك قىلىپ) يەر يۈزىدە كېزەلمەيدىغان، نۇمۇس قىلىپ تىلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، نادان كىشى ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدىغان پېقىرلار ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن كىملىكىنى تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەردىن پۇلاڭلاپ بىر نەرسە تىلىمەيدۇ» «2بەقەرە-273».

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «(ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال-مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رەزاسىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىمانىدا) سادىق كىشىلەردۇر» «59ھەشر-8».

بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرمۇ كۆپتۇر:

«سەھىھەين»دە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن جەننەتكە باقتىم، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئەھلىنىڭ كەمبەغەللەر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. دوزاخقىمۇ باقتىم، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئەھلىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم».

«سەھىھەين»دىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كەمبەغەللەر باي كىشىلەردىن يېرىم كۈن — يەنى 500 يىل ئىلگىرى جەننەتكە كىرىدۇ».

«سەھىھەين»دە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەدىنىگە كەلگەندىن تارتىپ تاكى ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئارپا نېنىغا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ كۈن تويۇپ باقمىغان ئىدى».

ئىمام مۇسلىم ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ كۈن بويى قورسىقىنى تويدۇرغۇدەك ئەڭ ناچار خورمىنىمۇ تاپالماي پۈتۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم».

رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ئى ئائىشە! ئەگەر ماڭا يېتىشىشنى خاھلىساڭ، ساڭا يولۇچىنىڭ كېرەكلىك نەرسىسى كۇپايە قىلسۇن. بايلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتىن ساقلانغىن ۋە بىر كىيىمنى يامىماي تۇرۇپ كونا ھېسابلىمىغىن» دېگەن.

فەزالاە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇۋاتقاندا، ئەسھابۇسسۇففەدىن بەزى كىشىلەر ئاچلىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشەتتى. ھەتتا بەدەۋىيلەر ئۇلارنى: «بۇلار مەجنۇنلاردۇر» دەيتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن بوشىغاندا، ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرگە نېمىلەر تەييارلانغانلىقىنى بىلگەن بولساڭلار، يوقسۇللۇق ۋە موھتاجلىقىڭلارنىڭ تېخىمۇ زىيادە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان بولاتتىڭلار» دەيتتى.

مۇسا ئەلەيھىسسالام: «ئى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ۋەلىيلىرىڭ كىملەر؟ مەن ئۇلارنى سەن ئۈچۈن ياخشى كۆرەي» دېگەنىدى، ئاللاھ تائالا: «ئۆزلىرى كەمبەغەل، قەلبى پاك، ماڭا بويسۇنغان كىشىلەردۇر» دەپ ۋەھيى قىلدى.

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئەبۇ زەر! بايلىقنى مالنىڭ كۆپلىكى دەپ بىلەمسەن؟ ھەقىقىي بايلىق قەلبنىڭ بايلىقىدۇر، ھەقىقىي يوقسۇللۇق قەلبنىڭ يوقسۇللۇقىدۇر» دېگەن.

پەسىل: يوقسۇل كىشىنىڭ يوقسۇللۇق ھالىتىدىكى ئەدەبلىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: يوقسۇل كىشىنىڭ يوقسۇللۇق ھالىتىدىكى ئەدەبلىرى توغرىسىدا”

يوقسۇل كىشىنىڭ كەمبەغەللىك ھالىتىدە رىئايە قىلىدىغان بىرنەچچە ئەدەبلىرى بار:

  1. يوقسۇللۇقنى يامان كۆرمەسلىك، بەلكى ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ بىر نېئمىتى دەپ بىلىش.
  2. ھالىتىنى كىشىلەردىن يوشۇرۇش، ئىپپەتلىك تۇرۇش ۋە ئۆزىنى ھېچكىمگە شىكايەت قىلماسلىق. ئاللاھ تائالا پېقىرلارنى ماختاپ: «ئۇلار كىشىلەردىن پۇلاڭلاپ بىر نەرسە تىلىمەيدۇ» «2بەقەرە-273» دېگەن.
  3. بايلارغا تەزىم قىلماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ مېلى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇۋالماسلىق.
  4. ئىبادەتلىرىنى مال كەمچىللىكى سەۋەبىدىن تەرك ئەتمەسلىك، بەلكى نامراتلىقنى پۇرسەت بىلىپ، قەلبىنى ئاللاھنىڭ زىكرىگە بېغىشلاش.
  5. ئۆزىگە بىرەر مال بېرىلسە، ئۇنى ھەقسىز ياكى مەجبۇرىيەتسىز قوبۇل قىلىش، ئەمما شۆھرەت ۋە رىيا ئۈچۈن بېرىلگەن مالنى قەتئىي رەت قىلىش.

بەرگۈچى مالنى رىيا ۋە نام-شۆھرەت ئۈچۈن بەرگەن بولسا، ئۇنداق مالنى ئالماسلىق لازىم. چۈنكى، بۇنداق مەقسەتتە بېرىلگەن مالنى قوبۇل قىلىش بۇزۇق مەقسەتكە ياردەم بەرگەنلىكتۇر.

ئەگەر كەمبەغەل كىشىگە ھېچبىر تەلەپسىز ۋە تاماسىز پاك پۇل كەلسە، ئۇنى ئالسا دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ساڭا بۇ مالدىن تەلەپ قىلمىغان ۋە ھېرىسمەن بولمىغان ھالدا بىر نەرسە كەلسە، ئۇنى ئالغىن. ئەگەر كەلمىسە، نەفسىڭنى ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرمىگىن» دېگەن.

پەسىل: زۆرۈرىيەتسىز تىلەشنىڭ ھاراملىقى ۋە تىلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان يوقسۇل كىشىنىڭ ئەدەبلىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: زۆرۈرىيەتسىز تىلەشنىڭ ھاراملىقى ۋە تىلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان يوقسۇل كىشىنىڭ ئەدەبلىرى توغرىسىدا”

شۇنى بىلگىنكى، تىلەمچىلىك قىلىش ئەسلىدە ھارامدۇر. چۈنكى، تىلەمچىلىك قىلىش ئۈچ خىل ھالەتتىن ئايرىلمايدۇ:

  1. ئاللاھ تائالاغا شىكايەت قىلىش (چۈنكى ئۇ گويا ئاللاھ مېنى ئاچ قويدى دېگەن بولىدۇ)؛
  2. ئۆزىنى مەخلۇقنىڭ ئالدىدا خار قىلىش (ھالبۇكى، مۆئمىنگە ئۆزىنى خار قىلىش لايىق ئەمەستۇر)؛
  3. كۆپىنچە ۋاقىتتا بىر نەرسە بېرىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا ئېغىرچىلىق ۋە ئەزىيەت بېرىش.

ئەگەر تىلەش مۇتلەق ھارام بولسا ئىدى، تىلەمچىگە بېرىشمۇ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىك بولغاچقا، ھەرگىز دۇرۇس بولمىغان بولاتتى. ھالبۇكى، ھەدىستە: «تىلەمچىنى ئات ئۈستىدە كەلگەن بولسىمۇ قايتۇرماڭلار» دېيىلگەن.

تىلەمچىلىك قىلىشتىن چەكلەش ھەققىدىكى ھەدىسلەرگە كەلسەك:

«سەھىھەين»دە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىرىڭلاردا تىلەمچىلىك يۈز بېرىۋېرىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈزىدە بىر پارچىمۇ گۆش قالمىغان ھالدا بارىدۇ» دېگەن.

«سەھىھەين»دىكى يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈستۈن قول تۆۋەن قولدىن ياخشىدۇر» دېگەن. ئۈستۈن قول بەرگۈچى، تۆۋەن قول بولسا تىلىگۈچى قولدۇر.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك نەرسىسى تۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ تىلەمچىلىكى يۈزىدە تاتۇق ئىزى ياكى تىرناق ئىزى بولۇپ كېلىدۇ» دېگەندە: — ئى رەسۇلۇللاھ! ئېھتىياجىنى قانچىلىك پۇل قامدايدۇ؟ — دەپ سورىلىۋىدى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى: — ئەللىك تەڭگە ياكى ئۇنىڭغا باراۋەر (150 گىرام) ئالتۇن، — دەپ جاۋاب بەردى.

خۇلاسە كالام: تىلەمچىلىك قىلىش پەقەت ئىلاجىسىزلىق ھالىتىدە ياكى ئىلاجىسىزلىققا يېقىن مۇھىم ھاجەت ۋاقتىدا رۇخسەتتۇر:

  • ئىلاجىسىز قالغان كىشىگە كەلسەك: ئاچ قالغان كىشى ئۆلۈپ قېلىشتىن ياكى ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىشتىن قورقسا، تىلەمچىلىك قىلىشىغا رۇخسەتتۇر ۋە يەنە ئۆزىنى ياپقۇدەك كىيىمى يوق يالىڭاچ كىشى تىلەمچىلىك قىلسا رۇخسەتتۇر.
  • مۇھىم ھاجىتى بار موھتاج كىشىگە كەلسەك: مەسىلەن بىر كىشىنىڭ قىش مەزگىلىدە چاپىنى بولسا، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىگە كىيىدىغان كۆڭلىكى بولمىسا، قىران سوغۇق سەۋەبىدىن ئەلەم تارتسا، ئىچىگە كىيىدىغان كۆڭلەك تىلىسە بولىدۇ. شۇنىڭدەك پىيادە مېڭىشتىن ئاجىز كىشى ئۇلاغ ھەققى سورىسا بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاش تىلەشلەردە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغانلىقنى ئاشكارا قىلىپ، موھتاج كىشىنىڭ تىلىگىنىدەك پۈتۈنلەي تەلەپ قىلماسلىقى، بەلكى كۆڭلىدە «ماڭا ئۆزۈمدە بار نەرسە يېتەرلىك، نەفسىم مەندىن بۇ نەرسىلەرنى تىلەشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ» دېيىشى كېرەك. بۇنداق ئويلاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا شىكايەت قىلىش چېگراسىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

يوقسۇل كىشى بىر نەرسە تىلىمەكچى بولسا، دادىسىدىن ياكى يېقىنىدىن، ياكى بىر نەرسە سورىسا نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتمەيدىغان سادىق دوستىدىن، ياكى مال-مۈلكىنى ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن تەييار قىلغان سېخىي كىشىدىن تىلىشى كېرەك. ئۇ كىشى شۇنداق قىلىش ئارقىلىق خارلىقتىن قۇتۇلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھايا قىلغانلىقتىن بەرگەنلىكىنى بىلگەن نەرسىسىنى ئېلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئالغان بولسا بەرگۈچىگە قايتۇرۇپ بېرىشى ۋاجىبتۇر.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، يوقسۇل كىشىنىڭ بىر يىللىقىغا يەتكۈدەك نەرسىنىڭ ئۈستىدە بىر نەرسە تىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. 50 تەڭگە ئوتتۇراھال تۇرمۇش كەچۈرىدىغان يالغۇز كىشىگە بىر يىل يېتىدۇ. ئايالى ۋە بالىلىرى بار كىشىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا 50 تەڭگە بىر يىل يەتمەيدۇ.

تىلىگۈچىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “تىلىگۈچىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنىڭ بايانى”

بىشرۇلھافىي مۇنداق دەيتتى: يوقسۇللار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

  1. بىرى، سورىمايدىغان، بەرسىمۇ ئالمايدىغان يوقسۇل بولۇپ، ئۇ روھانىيلار قاتارىدا بولىدۇ.
  2. ئىككىنچىسى، تىلىمەيدىغان، لېكىن بەرسە ئالىدىغان يوقسۇل بولۇپ، ئۇ جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ.
  3. ئۈچىنچىسى، موھتاج بولسا سورايدىغان يوقسۇل كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ تىلەمچىلىكىگە سۆزىدە راستچىل بولۇشى كەففارەتتۇر.

شەيخ جامالۇددىن رەھىمەھۇللاھ: «مەن دەيمەنكى، توغرا ھۆكۈم شۇكى، ئەگەر يوقسۇل كىشى بىر نەرسە تىلىمەستىن كۈنىنى ئۆتكۈزۈشكە قادىر بولسا، ئۇنىڭ بىر نەرسە تىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر كۈنىنى قىيىنچىلىق بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولسا قاراپ باقىسەن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا ئىنسان بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولسا ۋە ھاياتىي خەۋپ بولمىسا، ئۇ تىلەمچىلىك قىلسا بولىدۇ، لېكىن تىلىمەسلىك پەزىلەت. ئەمما، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا ئىنسان بەرداشلىق بېرەلمىسە، ئۇنداق كىشىنىڭ تىلىشى ۋاجىبتۇر» دېگەن.

سۇفيان سەۋرىي رەھىمەھۇللاھ: «بىر كىشى ئاچ قېلىپ تۇرۇپ، جېنىنى ساقلىغۇدەك بىر نەرسە تىلىمەي ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن.

ئىزاھاتلار:

  • «مۇسنەدۇ ئىبنى راھۇۋەيھ»، 2/36.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5416)؛ مۇسلىم (2970).
  • مۇسلىم (2978).
  • ئەھمەد (7933)؛ تىرمىزىي (2354). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت «ھەسەن» دېگەن.
  • ئەھمەد (23989)؛ تىرمىزىي (2349). فەزالاە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي بىلەن شۇئەيب ئەلئەرنائۇت («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1506) «سەھىھ» دېگەن.
  • ئەھمەد (2771). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 6779) «زەئىف» دېگەن.
  • ئەھمەد (21592)؛ تەبەرانىي («ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»)؛ بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 7814). ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 897) «زەئىف» دېگەن.
  • ئەھمەد (17965)؛ ھاكىم (2363). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت، ھاكىم ۋە زەھەبىيلەر «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. خالىد ئىبنى ئەدىي ئەلجۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • ئەھمەد (23281)؛ نەسائىي (2357). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 3502) «سەھىھ» دېگەن. ئۇممۇ بۇجەيد ھەۋۋا بىنتى سەكەن رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1474)؛ مۇسلىم (1040). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1429)؛ مۇسلىم (1033). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
  • ئەبۇ داۋۇد (1626)؛ تىرمىزىي (650)؛ نەسائىي (2429). ئالبانىي («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 1490) «سەھىھ» دېگەن.
  • ئەھمەد (23491)؛ تىرمىزىي (2769). ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 613) «سەھىھ» دېگەن.

ئىككىنچى باب: زاھىدلىقنىڭ ھەقىقىتى، پەزىلىتى، ئۇنىڭ دەرىجىلىرى ۋە قىسىملىرى

بۆلۈم: “ئىككىنچى باب: زاھىدلىقنىڭ ھەقىقىتى، پەزىلىتى، ئۇنىڭ دەرىجىلىرى ۋە قىسىملىرى”

زاھىدلىقنىڭ ھەقىقىتى

بۆلۈم: “زاھىدلىقنىڭ ھەقىقىتى”

شۇنى بىلگىنكى، دۇنيادا زاھىد بولۇش ئاخىرەت يولىدا ماڭغۇچىلارنىڭ ماقاملىرىدىن شەرەپلىك بىر ماقامدۇر. زاھىدلىق ئىنساندىكى قىزىقىشنىڭ بىر نەرسىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەرسىگە يۆتكىلىشىدۇر. يۈز ئۆرۈلگەن نەرسىنىڭ ھەرقانداق بىر يول بىلەن قولغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان نەرسە بولۇشى شەرتتۇر. ئەگەر كىشى ئۆزى يېتەلمەيدىغان نەرسىنى تەرك ئەتسە، ئۇ زاھىد دەپ ئاتالمايدۇ.

زاھىدلىقنىڭ مەنىسى: دۇنيانى تەرك ئېتىپ، ئاخىرەتكە يۈزلىنىشتۇر. كىمكى دۇنيانىڭ ئاخىرەتكە نىسبەتەن نەقەدەر ئەرزىمەس ۋە تېز پۈتىدىغان بىر تاشقى كۆرۈنۈش ئىكەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ بولسا مەڭگۈلۈك باقىي كۆرك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتسە، ئۇ چاغدا دۇنيادىن كۆڭلى سۇۋۇپ، زاھىد بولۇش ئۇنىڭغا ئاسان كېلىدۇ. بۇ خۇددى قىممەت باھالىق گۆھەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ساپال قاچىدىن ۋاز كەچكەن كىشىنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ.

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: «سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەبر قىلغۇچىلارغا، ئەلبەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز» «16نەھل-96».

زاھىدلىقنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

بۆلۈم: “زاھىدلىقنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا”

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا دېگەنكى: «بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېئمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز قىرىڭنى سالما، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىك نېئمىتى ۋە ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتى) ئەڭ ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر» «20تاھا-131».

ئاللاھ تائالا يەنە: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: ‹دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازغىنىدۇر، تەقۋادارلىق قىلغان كىشى ئۈچۈن ئاخىرەت ئەڭ ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ›» «4نىسائ-77» دېگەن.

بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەردىن:

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا بىر ئەمەلنى كۆرسىتىپ بەرگىنكى، مەن ئۇنى قىلسام، ئاللاھمۇ مېنى ياخشى كۆرسۇن، كىشىلەرمۇ مېنى ياخشى كۆرسۇن» دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دۇنيادا زاھىد بولغىن، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەردىن زاھىد بولغىن، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭكى بارلىق غېمى ئاخىرەت بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ بايلىقىنى قەلبىدە قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا دۇنيا بويسۇنغان ھالەتتە كېلىدۇ. كىمنىڭكى غېمى دۇنيا بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ پېقىرلىقىنى ئىككى كۆزى ئوتتۇرىسىدا قىلىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تارقاقلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا دۇنيادىن پەقەت ئۆزىگە تەقدىر قىلىنغىنىلا كېلىدۇ».

پەسىل: زاھىدلىقنىڭ دەرىجىلىرى ۋە قىسىملىرى ھەققىدە

بۆلۈم: “پەسىل: زاھىدلىقنىڭ دەرىجىلىرى ۋە قىسىملىرى ھەققىدە”

شۇنى بىلگىنكى، زاھىدلىق نەفسكە نىسبەتەن ئۈچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ:

  1. بىرىنچى دەرىجە: بەزى كىشىلەر دۇنيانى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن دۇنياغا قىزىقمايدۇ ۋە نەفسىگە قارشى جىھاد قىلىدۇ. بۇ سۈپەتتىكى كىشى «زاھىد بولۇشقا تىرىشقان كىشى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بولسا زاھىدلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر.
  2. ئىككىنچى دەرىجە: نەفسىنى زورلىماستىن دۇنيادىن ئىختىيارىي يۈز ئۆرۈشتۇر. لېكىن، ئۇنداق كىشى دۇنيادىن كۆڭلىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىن ۋاز كېچىشىنى بىر چوڭ ئىش ھېسابلايدۇ. بۇ كەمچىلىكتىن خالىي ئەمەستۇر.
  3. ئۈچىنچى دەرىجە: دۇنيادىن شۇنداق بىر رەۋىشتە يۈز ئۆرۈيدۇكى، دۇنيادىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى ئەسلا كۆزىگە ئىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ دۇنيانىڭ ئاخىرەت ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەسلىكىنى، بىر تال سۇنۇق ساپال بىلەن مەڭگۈلۈك گۆھەرنى ئالماشتۇرغان ئادەمنىڭ سۇنۇق ساپالنى تاشلىغىنىغا پەخىرلەنمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. مانا بۇ زاھىدلىقنىڭ مۇكەممەل دەرىجىسىدۇر.

قىزىقىلغۇچى نەرسىگە نىسبەتەن زاھىدلىقنىڭ جەھەتلىرىمۇ ئۈچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ:

  1. بىرىنچى دەرىجە: ئازاب-ئوقۇبەتتىن، ھېساب-سوراقتىن ۋە خالايىق ئالدىدىكى قورقۇنچلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن زاھىد بولۇش. بۇ بولسا قورققۇچىلارنىڭ زاھىدلىقىدۇر.
  2. ئىككىنچى دەرىجە: جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىگە، ئالىي مەرتىۋىلىرىگە ۋە ھۆرى-قەسىرلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن زاھىد بولۇش. بۇ بولسا ئۈمىد قىلغۇچىلارنىڭ زاھىدلىقىدۇر.
  3. ئۈچىنچى دەرىجە: يۇقىرىقى ئىككىسى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ جامالىنى تەلەپ قىلىش، ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن كۆڭۈل ئۈزۈش ئۈچۈن زاھىد بولۇشتۇر. مانا بۇ ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغۇچىلارنىڭ ۋە مۇھەببەت ئەھلىنىڭ زاھىدلىقىدۇر.

پەسىل: ھاياتنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىدىن زاھىد بولۇشنىڭ تەپسىلىي بايانى

بۆلۈم: “پەسىل: ھاياتنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىدىن زاھىد بولۇشنىڭ تەپسىلىي بايانى”

ئىنسان ھاياتىدا ئالتە نەرسىگە موھتاجدۇر: يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ ئۆي، ئۆي جاھازىلىرى، نىكاھ ۋە مال-مۈلك بىلەن يۈز-ئابروي.

  1. يېمەك-ئىچمەك: يېمەك-ئىچمەكتە زاھىد بولۇش ئاچلىقنى دەفئ قىلغۇدەك ئەڭ ئاددىي غىزا بىلەن كۇپايىلىنىش، لەززەتلىك ۋە ئېسىل تائاملارغا ھېرىسمەن بولماسلىقتۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيلىرىدە ئوچىقىمىزغا ئوت يېقىلماي بىر ھىلال ئاينى، كېيىن يەنە بىر ھىلال ئاينى، يەنى ئىككى ئايدا ئۈچ ھىلال ئاينى كۆرەتتۇق» دېگەن. ئۇرۋە: «ئى ھامما! ئۇ چاغدا سىلەر نېمە بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتىڭلار؟» دەپ سورىغانىدى، ئائىشە: «ئىككى قارا نەرسە — خورما بىلەن سۇ ئىدى» دەپ جاۋاب بەردى.

  1. كىيىم-كېچەك: كىيىم-كېچەكتە زاھىد بولۇش ئەۋرەتنى ياپىدىغان ۋە ئىسسىق-سوغۇقتىن ساقلايدىغان قوپال، ياماقلىق كىيىملەرگە قانائەت قىلىشتۇر. ئېسىل يىپەك ۋە ھەشەمەتلىك لىباسلاردىن يىراق تۇرۇشتۇر.

«سەھىھەين»دە ئەبۇ بۈردە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىزگە ياماق سېلىنغان بىر ئۈست كىيىم ۋە قېلىن بىر ئىشتاننى كۆرسەتتى ۋە: ‹ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روھى مانا مۇشۇ ئىككى كىيىمدە قەبزى قىلىنغان ئىدى› دېدى».

  1. تۇرالغۇ ئۆي: تۇرالغۇدا زاھىد بولۇش كىشىنى يامغۇر، سوغۇق ۋە ئوغرىدىن قوغدىغۇدەك پەس، ئاددىي ئۆيلەر بىلەن كۇپايىلىنىشتۇر. ئېگىز ئىمارەتلەر، مەرمەر سارايلار قۇرۇشتىن قېچىشتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر خام خىشنى يەنە بىر خام خىش ئۈستىگە قويماي ۋاپات بولغان. ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيلىرىگە كىرسەم، تورۇسقا قولۇم تەگكۈدەك يېقىن ئىدى» دېگەن.

  1. ئۆي جاھازىلىرى: ئۆي سايمانلىرىدا زاھىد بولۇش پەقەت ھاياتلىققا زۆرۈر بىر پارچە بۆرىيە، بىر قاچا، بىر كوزا سۇغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن چەكلىنىشتۇر.

«سەھىھەين»دە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەن چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆسىر بۆرىيە ئۈستىدە ياتقانلىقىنى، ئۇنىڭ يۈزلىرىگە بۆرىيىنىڭ ئىزى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، يىغلاپ كەتكەنىدى. ئۆمەر: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قەيسەر ۋە كىسرالار نېئمەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، سەن بولساڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى تۇرۇپ مۇشۇنداق ياشامسەن؟» دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئۆمەر! دۇنيا ئۇلارنىڭ، ئاخىرەت بىزنىڭ بولۇشىغا رازى ئەمەسمۇسەن؟» دېگەن.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن پاتىمە بىلەن توي قىلغان كۈنى بىزدە پەقەت بىرلا قوينىڭ تېرىسى بار ئىدى، كۈندۈزى ئۇنىڭ ئۈستىدە تۆگىمىزگە يەم بېرەتتۇق، كېچىسى ئۇنى سېلىپ ئۇخلايتتۇق» دېگەن.

  1. نىكاھ ۋە ئائىلە: نىكاھ سۈننەتتۇر. لېكىن ئائىلە ئېھتىياجى ئۈچۈن ھارام مال يىغىشتىن، بالىچاقىنىڭ تەمەسىدە ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چېكىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر كىشى پىتنىدىن قورقسا نىكاھلىنىشى ۋاجىبتۇر. ئەمما ئايال ۋە بالا-چاقا دەردىدە دىنىنى قايمۇقتۇرۇپ قويماسلىقى لازىم.

  2. مال-مۈلك ۋە يۈز-ئابروي: ئابرويپەرەسلىكتىن ۋە مال-دۇنيا يىغىشتىن يۈز ئۆرۈش زاھىدلىقنىڭ ئەڭ قىيىن تەرىپىدۇر. سەلەفلەر تىلەمچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈنلۈك رىزقىنى تاپقۇدەكلا تىجارەت ياكى ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىناتتى. ھەمماد ئىبنى سەلەمە دۇكىنىنى ئېچىپ ئىككى ھەببە ئېرىشسە، دۇكىنىنى ياپاتتى. سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ماي سېتىپ يۈز-ئابرويى ۋە دىنىنى قوغدايتتى.

پەسىل: زاھىدلىقنىڭ ئالامەتلىرى

بۆلۈم: “پەسىل: زاھىدلىقنىڭ ئالامەتلىرى”

زاھىد كىشىنىڭ ئۈچ چوڭ ئالامىتى بولىدۇ:

  1. بىرىنچى ئالامەت: قولىدىن كەتكەن دۇنيالىققا قايغۇرماسلىق، ئېرىشكەن دۇنيالىققا خۇشال بولۇپ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(بۇ) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ» «57ھەدىد-23». مانا بۇ مالدا زاھىد بولۇشنىڭ ئالامىتىدۇر.
  2. ئىككىنچى ئالامەت: ئۆز نەزىرىدە ئۆزىنى ماختىغۇچى بىلەن ئەيىبلىگۈچىنىڭ باراۋەر بولۇشىدۇر. بۇ يۈز-ئابرويدا زاھىد بولۇشنىڭ ئالامىتىدۇر.
  3. ئۈچىنچى ئالامەت: قەلبىنىڭ ئاللاھ بىلەن ئۈلپەت ئېلىشى، ئاللاھنىڭ تائىتىدىن ھۇزۇر تېپىشى، دۇنيا ۋە ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن قەلبىنىڭ بىئارام بولۇشىدۇر.

زاھىدلىق توغرىسىدىكى مەزمۇنلار تامام بولدى.

ئىزاھاتلار:

  • ئەھمەد (21630)؛ ئىبنى ماجە (4105)؛ تىرمىزىي (2465). ئەنەس ۋە زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 950) «سەھىھ» دېگەن.
  • ئەھمەد (22158)؛ بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 5766). مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت «زەئىف» دېگەن؛ ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 2668) «ھەسەن» دېگەن.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5416)؛ مۇسلىم (2970).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5818)؛ مۇسلىم (2080).
  • ئەبۇ داۋۇد («ئەلمەراسىل»، 497).
  • بۇخارىي (5672)؛ خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2468)؛ مۇسلىم (1479).
  • ئەھمەد (14069)؛ نەسائىي (3878). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.

يىگىرمە ئالتىنچى بۆلۈم: تەۋھىد ۋە تەۋەككۈل قىلىش ھەققىدە

بۆلۈم: “يىگىرمە ئالتىنچى بۆلۈم: تەۋھىد ۋە تەۋەككۈل قىلىش ھەققىدە”

تەۋەككۈل قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

بۆلۈم: “تەۋەككۈل قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا”

ئاللاھ تائالا ئېيتۇر: «مۇئمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)» «3ئال ئىمران-160». «كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» «65تالاق-3».

«سەھىھەين»دە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىدىن 70 مىڭ كىشىنىڭ ھېسابسىز جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان، ئۇلارنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ: «ئۇلار (جاھىلىيەتتە سالغاندەك) دەم سالدۇرمايدىغان، قۇشلاردىن شۇم پال ئالمايدىغان، داغلىنىپ داۋالانمايدىغان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۈل قىلىدىغانلاردۇر» دېگەن[1].

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالاغا لايىق رەۋىشتە تەۋەككۈل قىلساڭلار، ئەلبەتتە، ئاللاھ سىلەرنى سەھەردە ئاچ كېتىپ كەچتە توق قايتىدىغان قۇشلارنى رىزىقلاندۇرغاندەك رىزىقلاندۇرغان بولاتتى»[2].

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! سەندىن ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللىرىڭگە، ساڭا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىشقا ۋە سەندىن ياخشىلىق كۈتۈشكە تەۋپىق بېرىشىڭنى سورايمەن»[3].

تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئەسلى بولغان تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئەسلى بولغان تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى”

تەۋەككۈل قىلىش تەۋھىد ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. تەۋھىدنىڭ دەرىجىلىرى:

شۇ دەرىجىلەردىن بىرى: سېنىڭ «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر» «37ساففات-35»، «47مۇھەممەد-19» دېگەن سۆزۈڭدە ئىپادىلەنگەن ئاللاھ تائالانىڭ يېگانىلىكىنى قەلبىڭ تەستىق قىلىشى كېرەك. «ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر» «6ئەنئام-163»، «پۈتۈن پادىشاھلىق ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر، جەمى ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەرنەرسىگە قادىردۇر» «64تەغابۇن-1» دېگەن لەۋزنى تەستىق قىلىشى كېرەك. لېكىن، دەلىلىنى بىلمەستىن تەستىق قىلىش ئاۋام خەلقنىڭ ئېتىقادىدۇر.

ئىككىنچىسى: تۈرلۈك-تۈرلۈك نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارنى يېگانە ئاللاھ تائالا ياراتقان، دەپ قاراش كېرەك. بۇ بولسا ئاللاھ تائالاغا يېقىن بەندىلەرنىڭ ماقامىدۇر.

ئۈچىنچى: ئىنسان ئوچۇق بىر شەكىلدە «ئاللاھ تائالادىن باشقا بارلىققا كەلتۈرگۈچى يوق» دېگەن چۈشەنچىگە ئىگە بولسا، ئۇ ئىنسان ئاللاھ تائالادىن غەيرىگە قارىمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالادىن قورقىدۇ، ئاللاھ تائالادىن ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن يېگانە ياراتقۇچىدۇر. بارلىق ئەيىبلەردىن پاكتۇر. بارلىق مەخلۇقاتلار ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر. بۇ چۈشەنچىدە بولغان كىشى زىرائەتنىڭ ئۆسۈشىدە يامغۇرغا، يامغۇرنىڭ يېغىشىدا يامغۇر بۇلۇتىغا، كېمىنىڭ مېڭىشىدا شامالغا تايانمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭغا تايىنىش ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىگەنلىكتۇر.

ھەقىقەتلەر ئايدىڭ بولغان كىشى شامالنىڭ ئۆزىچە ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقىنى، چوقۇم ئۇنىڭ بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۆزىنىڭ نىجات تېپىشىنى شامالغا باغلىق دەپ قارىشى، خۇددى بىر كىشى قولغا ئېلىنىپ قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولسا ۋە پادىشاھ ئۇنى ئەپۇ قىلىپ ئىمزا قويسا، ئاندىن تۇتۇلغان ئۇ كىشى سىياھ، قەغەز ۋە ئىمزا قويۇشتا قوللىنىلغان قەلەم بىلەن بولۇپ، «بۇ قەلەم بولمىغان بولسا، مەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمايتتىم» دەپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلغانلىقىنى قەلەمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى پادىشاھتىن ئەمەس، بەلكى قەلەمدىن كۆرىدىغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ تولىمۇ نادانلىقتۇر. كىمكى قەلەم ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقىرىش كۈچى يوقلۇقىنى بىلسە، ئەلبەتتە قەلەمگە ئەمەس، قەلەمكەشكە رەھمەت ئېيتىدۇ. بارلىق مەخلۇقاتلار ياراتقۇچى ئاللاھ تائالانىڭ بويسۇندۇرۇپ باشقۇرۇشىدا قەلەمكەشنىڭ ئۆز قولىدىكى قەلەمنى باشقۇرغىنىدىنمۇ بەكرەك مۇكەممەلدۇر. «خاھلىغىنىنى قىلىدىغان» «11ھۇد-107»، سەۋەبلەرنى پەيدا قىلغۇچى يېگانە ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاكتۇر.

پەسىل: تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئەھۋالى ۋە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “پەسىل: تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئەھۋالى ۋە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بايانى”

بىلگىنكى، تەۋەككۈل سۆزى ئەرەب تىلىدىكى «وكالة» سۆزىدىن ئېلىنغاندۇر. ئەرەب تىلىدا: «وكل فلان أمره إلى فلان» دېيىلىدۇ. يەنى «پالانى كىشى ئىشىنى پالانى كىشىگە تاپشۇردى، ئىشىدا ئۇنىڭغا تاياندى» دېگەن مەنىدە.

تەۋەككۈل قىلىش بولسا: قەلبنىڭ تەۋەككۈل قىلىنغۇچىغا تايىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ ھېسداشلىق قىلىدىغان، كۈچلۈك ۋە يول كۆرسىتەلەيدىغان قابىل كىشىلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلالايدۇ.

بۇنى بىلسەڭ، بۇنىڭغا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشنى قىياس قىلغىن.

سېنىڭ نەپسىڭدە «ئاللاھ تائالادىن ئۆزگە ياراتقۇچى يوق» دېگەن ئېتىقاد قارار تاپسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئاللاھ تائالا مۇكەممەل ئىلىم، مۇتلەق قۇدرەت ۋە مىسلسىز شەپقەت ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭ قۇدرىتىدىنمۇ كۈچلۈك كۈچ-قۇدرەت، ئۇنىڭ ئىلمىدىنمۇ مۇكەممەل ئىلىم ۋە ئۇنىڭ شەپقىتىدىنمۇ زىيادە شەپقەت يوقتۇر» دەپ ئېتىقاد قىلساڭ، شۈبھىسىزكى سېنىڭ قەلبىڭ ئۇنىڭغا تايىنىدۇ ۋە ھەرقانداق ھالدا ئۇنىڭ غەيرىگە قارىمايدۇ. ئەگەر سەن بۇنى نەپسىڭدە تاپالمىساڭ، ئۇنىڭ سەۋەبى ئىككى ئىشنىڭ بىرىدۇر:

يا بۇ خىسلەتلەردىن بىرەرسىگە جەزمىيىتىڭنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ; ۋەيا بولمىسا قەلبىڭنى قورقۇنچ بېسىۋالغانلىقى، قەلبىڭنىڭ ئاجىزلىقى ۋە شۇ قەلبىڭنى چىرمىۋالغان خام خىياللار سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ. چۈنكى، بەزىدە خام خىيالنىڭ قەلبىدە تۇرۇشى ۋە ئىنساننىڭ جەزمىيىتىدە نۇقسان بولمىسىمۇ خام خىيالغا ئىتائەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قەلب بىئارام بولىدۇ. بىر كىشى ھەسەلنى قولىغا ئالسا، ئاندىن ھەسەل ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا گەندىگە ئوخشىتىلسا، ئۇ كىشىنىڭ تەبىئىتى ھەسەلدىن يىرگىنىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ھەسەلنى يېمەسلىكى مۇمكىن.

ئەگەر ئاقىل كىشى قەبرىدىكى ياكى كۆرپىدىكى ۋەياكى ئۆيدىكى ئۆلۈك بىلەن بىرگە كېچىدە يېتىشقا تەكلىپ قىلىنسا — ئۇنىڭ جانسىز ئۆلۈك ئىكەنلىكىگە جەزم قىلسىمۇ — ئۇنىڭ تەبىئىتى ئۆلۈك بىلەن بىللە يېتىشتىن يىرگىنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ تەبىئىتى باشقا جانسىز نەرسىلەر بىلەن بىرگە كېچىدە يېتىشتىن يىرگەنمەيدۇ.

بۇ بولسا قەلبتىكى قورقۇنچاقلىقتۇر. ئۇ ھەم ئىنسانمۇ خالىي بولالمايدىغان بىر تۈرلۈك ئاجىزلىقتۇر. بەزىدە بۇ قورقۇنچاقلىق كۈچىيىپ كېسەللىككە ئايلىنىپ، ھەتتا ئىنسان بىر ئۆيدە ئىشىكنى پۇختا تاقاپ تۇرۇپمۇ يالغۇز يېتىشتىن قورقىدىغان بىر ھالغا يېتىدۇ.

بۇنداق بولغان ئىكەن، تەۋەككۈل قىلىش پەقەت قەلب كۈچلۈك بولۇش ۋە قەتئىي جەزم قىلىش بىلەن تاماملىنىدۇ. خوش، ساڭا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ مەنىسى ئايدىڭلىشىپ، «تەۋەككۈل قىلىش» دەپ ئاتىلىدىغان ھالەتنى بىلگەن بولساڭ، شۇ ھالەتنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز بولۇشىدا ئۈچ دەرىجە بارلىقىنى بىلگىن:

بىرىنچى: بىز تىلغا ئالغاندەك، كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە كېپىل بولىدىغانلىقى ۋە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا دائىما ئىشەنچ قىلىشى كېرەك. بۇ ئۇنىڭ ۋەكىلگە ئىشەنچ قىلغىنىغا ئوخشايدۇ.

ئىككىنچى دەرىجە: بۇ ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدۇر. بۇ دەرىجە بولسا ئىنسان بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى بوۋاق بالا بىلەن ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش بولۇشىدۇر. چۈنكى، بوۋاق بالا ئانىسىدىن باشقىنى تونۇمايدۇ، ئانىسىدىن باشقىغا ئالدىرىمايدۇ، پەقەت ئانىسىغىلا تايىنىدۇ. ئۇنىڭغا بىرەر ئىش يەتسە، ئۇنىڭ خىيالىغا ۋە تىلىغا تۇنجى قېتىم «ئانا» دېگەن سۆز كېلىدۇ. شۇڭا، كىمنىڭ ئىبادىتى، قارىشى، تايىنىشى ئاللاھ تائالاغا بولسا، ئاللاھ تائالاغا كىچىك بالا ئانىسىغا ئاشىق بولغاندەك ئاشىق بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلغۇچى بولىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن ئاۋۋالقى ھالەتنىڭ پەرقى بولسا بۇ ھالەتتە تەۋەككۈل قىلغۇچى ئۆز تەۋەككۈلىدە پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا تەۋەككۈل قىلىپ ئۆزىنى يوقاتقان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ تەۋەككۈل قىلىنغۇچىدىن باشقىغا قارىمايدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە ئاللاھ تائالادىن باشقىغا ئورۇن قالمايدۇ. بىرىنچى ھالەتتە تۇرۇپ تەۋەككۈل قىلغۇچىغا كەلسەك، ئۇ تەكەللۇپ قىلىش ۋە كەسپ قىلىش بىلەن تەۋەككۈل قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كىشى ئۆز تەۋەككۈلىدە ئاللاھ تائالاغىلا تەۋەككۈل قىلىپ ئۆزىنى يوقاتقان كىشىگە ئوخشىمايدۇ. بەلكى ئۇ باشقا نەرسىلەرگىمۇ قارىشى مۇمكىن. باشقا نەرسىلەرگە قاراش بولسا يېگانە ئاللاھ تائالاغىلا تەۋەككۈل قىلىشنى مۇلاھىزە قىلىشتىن قايتۇرىدىغان بىر ئىشتۇر.

ئۈچىنچى دەرىجە: بۇ دەرىجە ئىلگىرىكى ئىككى دەرىجىدىن يۇقىرىدۇر. بۇ دەرىجە بولسا ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا ئالدىدا خۇددى ئۆلۈكنىڭ غەسسال ئالدىدا تۇرغىنىغا ئوخشاش تۇرۇشىدۇر. ئۇ كىشى ئاللاھ تائالادىن ئايرىلمايدۇ. لېكىن، ئۇ ئۆزىنى ئۆلۈك ھېسابلىمايدۇ. بۇ ھالەت بوۋاق بالىنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان ئەھۋالىغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، بوۋاق بالا ئانىسىنىڭ يېنىغا بارىدۇ ۋە توۋلاپ، ئانىسىنىڭ پېشىغا ئېسىلىدۇ.

بۇ ھاللار مەخلۇقاتلاردا تېپىلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭدا ئىزچىل بولۇش تەستۇر. بولۇپمۇ ئۈچىنچى ھالەتكە داۋاملىشىش تەستۇر.

تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ بەزى ئەمەللىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ بەزى ئەمەللىرى توغرىسىدا”

بەزى كىشىلەر «تەۋەككۈل قىلىشنىڭ مەنىسى بەدەن بىلەن كەسپ قىلىش ۋە قەلب بىلەن ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەرك ئېتىش ھەمدە لاتىغا ياكى دۆشە ئۈستىدىكى گۆشكە ئوخشاش زېمىنغا تاشلىنىش» دەپ ئويلايدۇ. بۇ جاھىللارنىڭ گۇمانى بولۇپ شەرىئەتتە ھارامدۇر.

شەرىئەت تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ماختىدى. تەۋەككۈل قىلىشنىڭ تەسىرى بەندىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدا ۋە ئۆز مەقسەتلىرىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىدا كۆرۈلىدۇ. بەندىنىڭ ھەرىكەت قىلىشى بولسا كەسپ قىلىشقا ئوخشاش يوق پۇلنى تېپىش ئۈچۈن ياكى زاپاس ساقلاشقا ئوخشاش بار بولغان نەرسىنى ساقلاش ئۈچۈن، يا تاجاۋۇز قىلغۇچىنى دەفئ قىلىشقا ئوخشاش تېخى نېسى زىياننى يوقىتىش ئۈچۈن، ياكى كېسەلدىن داۋالانغانغا ئوخشاش نەق زىياننى يوقىتىش ئۈچۈن بولىدۇ. دېمەك، بەندىنىڭ ھەرىكەتلىرى بۇ تۆت تۈردىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ.

بىرىنچى تۈر: پايدىلىق نەرسىلەرنى جەلپ قىلىش. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئۈچتۇر:

بىرىنچىسى: كەسكىن سەۋەب. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى ۋە ئىرادىسى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدىغان ئىشلارغا مۇقىم شەكىلدە باغلانغان سەۋەبلەرگە ئوخشاشتۇر. مىسال: سەن ئاچ قورساق ھالىتىڭدە ئالدىڭدا تاماق بولىدۇ، سەن تاماققا قولۇڭنى سوزماي، «مەن تەۋەككۈل قىلغۇچىمەن، تەۋەككۈل قىلىشنىڭ شەرتى جىم تۇرۇش، تاماققا قولنى سوزۇش جىم تۇرۇشنى بۇزغانلىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك تاماقنى چايناش، ئۇنى يۇتۇشمۇ ھەرىكەت قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ» دەيسەن. بۇ ئېنىق ساراڭلىق بولۇپ، ئەسلا تەۋەككۈل قىلىشقا كىرمەيدۇ. چۈنكى، سەن ئاللاھ تائالانىڭ سەن تاماق يېمىسەڭمۇ ئۆزلۈكىدىن قورساق تويۇشى ياكى تاماقنى ئۆزى ھەرىكەتلىنىپ سەن تەرەپكە ماڭدۇرۇشىنى ۋەياكى تاماقنى چايناپ بېرىشى ۋە ئاشقازىنىڭغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى بويسۇندۇرۇپ بېرىشىنى كۈتسەڭ، ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلمىگەن بولىسەن.

شۇنىڭدەك ئەگەر سەن زىرائەت تېرىماي، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇرۇق بولمىسىمۇ ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈشىنى ياكى ئايالىڭ بىلەن جىما قىلمىساڭمۇ ئايالىڭنىڭ تۇغۇشىنى تەمە قىلساڭ، بۇنىڭ ھەممىسى ساراڭلىقتۇر. بۇ يەردە ئەمەل قىلىشنى تەرك ئېتىش تەۋەككۈل قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ. بەلكى بۇ يەردە تەۋەككۈل قىلىش بىلىش ۋە ھالەت بىلەن بولىدۇ:

بىلىشكە كەلسەك، ئاللاھ تائالانىڭ تاماقنى، قولنى، سەۋەبلەرنى ۋە ھەرىكەت كۈچىنى ياراتقانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا تاماق ۋە سۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلىشىڭدۇر.

ھالەت بولسا: سېنىڭ قەلبىڭ ۋە تايىنىشىڭ قول ۋە تاماققا ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىگە بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سېنىڭ قولۇڭ قۇرۇپ قېلىشى ۋە ھەرىكىتىڭ يوق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئاللاھ تائالا ساڭا تاماققا غالىب كېلىدىغان بىر كىشىنى مۇسەخخەر قىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، تاماققا قولنى سوزۇش تەۋەككۈلگە زىت كەلمەيدۇ.

ئىككىنچى دەرىجە: كەسكىن بولمىغان سەۋەبلەر. لېكىن، كۆپىنچە ۋاقىتتا بارلىققا كەلتۈرۈلىدىغان ئىشلار ئۇ سەۋەبلەرسىز بارلىققا كەلمەيدۇ. ئۇ مىسالى شەھەرلەردىن ئايرىلىپ، ئادەملەر ناھايىتى كەم بارىدىغان سەھرالارغا سەپەرگە چىقىپ، ئۆزى بىلەن ھېچ ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالمىغان كىشىدۇر، بۇنداق كىشى ئاللاھ تائالانى سىنا Fiction كىشىگە ئوخشاشتۇر. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى چەكلىنىدۇ ۋە ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋېلىشىغا بۇيرۇق قىلىنىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەر قىلغان چاغدا، ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالغان ۋە مەدىنىگە يول كۆرسىتىدىغان بىر يول باشچىنى ئىجارىگە ئالغان ئىدى[4].

ئۈچىنچى دەرىجە: تولۇق ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان، لېكىن بارلىققا كەلتۈرۈلمەكچى بولغان نەرسىلەرگە يەتكۈزۈشى خىيال قىلىنىدىغان سەۋەبلەر.

مەسىلەن: بىر كىشى مالغا ئېرىشىش تەپسىلاتى ۋە يوللىرى ھەققىدە ئىنچىكە تەدبىرلەرنى ئىزدىسە، ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە ئىشى شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمەيدىغان ئاساستا توغرا بولسا، ئۇنىڭ بۇ ئىشى تەۋەككۈلدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئۇ كىشى تۇرمۇشنىڭ ئارتۇقچە نەرسىلىرىنى تەلەپ قىلسا، مال-دۇنياغا ھېرىسمەن كىشىلەر قاتارىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن.

رىزىق يولىدا تىرىشماسلىق ئەسلا تەۋەككۈل قىلىش جۈملىسىدىن ئەمەستۇر. رىزىق ئىزدەشنى تەرك ئېتىش تەۋەككۈل قىلىشنى باھانە قىلىپ، راھەتنى تاللىغان ئىشى يوق ئادەملەرنىڭ قىلىدىغان ئىشىدۇر.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «تەۋەككۈل قىلغۇچى دېگەن زېمىنغا ئۇرۇق چېچىپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىدۇ» دېگەن.

ئىككىنچى تۈر: بار بولغان نەرسىنى ساقلاپ سەۋەب قىلىش.

ھالال ئوزۇق-تۈلۈك تاپقان كىشىنىڭ يەنە شۇنداق بىر ئوزۇق-تۈلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى ئۇنىڭ زېھنىنى مەشغۇل قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ شۇ ھالال رىزىقنى توپلىشى ئۇنى تەۋەككۈل قىلىشتىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. بولۇپمۇ ئائىلىسى بار كىشى بولسا شۇنداق.

«سەھىھەين»دىكى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ غەنىيمەتكە چۈشكەن خورمىلىرىنى ساتاتتى ۋە ئەھلىگە ئۇلارنىڭ بىر يىللىق يېمەكلىكىنى ساقلاپ قوياتتى» دېيىلگەن[5].

ئەگەر «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئوزۇقلۇق ساقلىۋېلىشتىن چەكلىدىغۇ؟» دېيىلسە[6]:

بۇنىڭ جاۋابى: بىلالنىڭ قېشىدىكى يوقسۇللار مېھمانغا ئوخشايتتى. شۇ سەۋەبتىن بىلال يېمەكلىكنى يىغىپ ساقلىۋالسا، ئۇلار ئاچ قالاتتى. ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتى: بىلال ۋە سۇففە ئەھلى ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى يېمەكلىكنى يىغىپ ساقلىۋالماسلىق ئىدى. ئەگەر ئۇلار يېمەكلىكنى يىغىپ ساقلىۋالسا، ئۇلارنىڭ «بىز نامرات» دېگەن دەۋاسىدا يالغان ئېيتقانلىقىغا بىنائەن ئەيىبلىنەتتى.

ئۈچىنچى تۈر: زىياننى يوق قىلىدىغان سەۋەبلەر بىلەن شۇغۇللىنىش.

زىياننى يوق قىلىدىغان سەۋەبلەرنى تەرك ئېتىش تەۋەككۈل قىلىش شەرتلىرىدىن ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا، يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆپ زېمىندا ياكى سەل يولىدا، ياكى ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان تام ئاستىدا ئۇخلاش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ.

شۇنداقلا ساۋۇت كىيىش، ئىشىكنى تاقاش ۋە تۆگىنى ئارغامچا بىلەن باغلاش قاتارلىق ئىشلار تەۋەككۈل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ.

ئاللاھ تائالا: «قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن» «4نىسائ-102» دېگەن.

بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— ئى ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى! تۆگىنى باغلاپ قويۇپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلامدىم ياكى تۆگىنى باغلىماي قويۇپ بېرىپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلامدىم؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇنى باغلاپ تەۋەككۈل قىلغىن، — دېدى[7].

بۇنىڭ ھەممىسىدە سەۋەبكە ئەمەس، بەلكى سەۋەبنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالا پۈتكەن بارلىق ئىشلارغا رازى بولىدۇ. قاچانكى ئۇنىڭ مېلى ئوغرىلانسا، «مېلىمنى ئوبدان ساقلىغان بولسام، ئوغرىلانمايتتى» دېگەندەك خىيال كەلسە ياكى بېشىغا كەلگەننى باشقىلارغا شىكايەت قىلسا، ئۇنىڭ تەۋەككۈل قىلىشتىن يىراق ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.

كىشى تەقدىرنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن تېۋىپقا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلسۇن! يەنى ئەگەر تېۋىپ ئۇنىڭغا تاماق كەلتۈرسە خۇشال بولىدۇ ۋە: «تېۋىپ غىزانىڭ ماڭا مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىسە ئىدى، ئۇنى مېنىڭ يېيىشىمگە ئېلىپ كەلمەيتتى» دەيدۇ. ئەگەر تېۋىپ ئۇنىڭدىن يېمەكنى چەكلىسە: «تېۋىپ ئۇنىڭ ماڭا زىيان قىلىدىغانلىقىنى بىلمىسە ئىدى، ئۇنى مەندىن چەكلىمەيتتى» دەيدۇ.

شۇنى بىلگىنكى، كېسەل كىشى كۆيۈمچان ۋە ئۇستا تېۋىپقا ئىشەنگىنىدەك، بىر كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمىسە، ئۇنىڭ تەۋەككۈلى توغرا بولمايدۇ. تەۋەككۈل قىلغۇچى مېلى ئوغرىلانسىمۇ، پەرۋا قىلماسلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولۇشى ۋە مۇسۇلمانلارغا شەپقەت قىلىپ، ئوغرىدىكى ھەققىگە رازى بولۇپ كېتىشى كېرەك.

بىر كىشى بىر ئالىمغا ئۆزىنىڭ بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە مېلىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى شىكايەت قىلغانىدى، ئالىم ئۇنىڭغا:

— بۇنداق قىلىدىغان مۇسۇلمانلار نېمىشقا كۆپىيىپ قالدى، دەپ مېلىڭنى ئېلىۋالغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ مېلىغا قايغۇرغىنىڭدىن بەكرەك قايغۇرمىساڭ، مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولمىغان بولىسەن، — دېدى.

تۆتىنچى تۈر: زىياننى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىش. بۇ كېسەلنى داۋالاش ۋە شۇنىڭدەك ئىشلارغا ئوخشايدۇ. بىلگىنكى، زىياننى يوق قىلىدىغان سەۋەبلەر ئۈچتۇر:

بىرىنچى: ئۇسسۇزلۇقنى باسقۇچى سۇ ۋە ئاچلىقنى تىندۇرغۇچى نانغا ئوخشاش كەسكىن سەۋەبلەردۇر. بۇ تۈر سەۋەبلەرنى تەرك ئېتىش ھېچبىر شەكىلدە تەۋەككۈل قاتارىغا كىرمەيدۇ.

ئىككىنچى: داۋالىنىش مەقسىتىدە تومۇردىن قان ئېلىش، لوڭقا قويۇپ داۋالىنىش ۋە سۈرگە دورىسى ئىچىشكە ئوخشاش ئېھتىماللىق سەۋەبلەردۇر. بۇلارنى قىلىش تەۋەككۈل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ داۋالانغان[8] ۋە داۋالىنىشقا بۇيرۇغان ئىدى[9].

مۇسۇلمانلاردىن كۆپ كىشىلەر داۋالاندى ۋە بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىپ، داۋالىنىشنى تەرك ئەتتى.

شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭغا:

— ساڭا تېۋىپ چاقىرمايمىزمۇ؟ — دېيىلگەنىدى، ئەبۇبەكرى:

— تېۋىپ مېنى كۆردى، — دېدى.

— تېۋىپ نېمە دېدى؟ —

— تېۋىپ: «مەن خاھلىغىنىمنى قىلىمەن» دېدى، — دېدى[10].

مۇسەننىف رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «داۋالىنىش ئەۋزەل دېگەن قاراش بىز قۇۋۋەتلەيدىغان قاراشتۇر. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ داۋالانماسلىقى بىزنىڭچە، ئەبۇبەكرى داۋالىنىپ، دورا پايدا قىلغاندىن كېيىن داۋالىنىشتىن توختىغان ياكى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەزى ئالامەتلەر سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ئەجىلىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى بىلگەن، شۇڭا داۋالىنىشنى تەرك ئەتكەن.»

بىلگىنكى، دورىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن بويسۇندۇرۇلغان سەۋەبلەردۇر.

ئۈچىنچى: داغلاپ داۋالاشقا ئوخشاش مەۋھۇم سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، داغلاپ داۋالاش تەۋەككۈل قىلىشتىن چىقىپ كېتىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى «ئۇلار داغلىنىپ داۋالانمايدىغانلار» دەپ سۈپەتلىگەن[11].

بەزى ئالىملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئۇلار داغلىنىپ داۋالانمايدىغانلار» دېگەن سۆزىنى: «ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىدەك ‹ئۇلار داغلىنىپ داۋالانمايدۇ› دېگەن بولىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن. چۈنكى، ئۇلار جاھىلىيەتتە ساق ۋاقتىدا كېسەللىك يەتمەسلىكى ئۈچۈن دۇئا-ئەپسۇن ئوقۇيتتى ۋە داغلىناتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەللىك يەتكەندىن كېيىن، رۇقىيە (دۇئا) ئوقۇغان ۋە ئەسئەد ئىبنى زۇرارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى داغلاپ قويغان ئىدى[12].

كېسەلنىڭ شىكايەت قىلىشىغا كەلسەك، كېسەلنى شىكايەت قىلىش تەۋەككۈل قىلىشتىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئىڭراش شىكايەت قىلغانلىقنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، سەلەف سالىھلەر كېسەل كىشىنىڭ ئىڭرىشىنى يامان كۆرەتتى.

فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيتتى: «يوقلىغۇچىلىرى بولمىغان بىر كېسەل بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن.»

بىر ئادەم ئىمام ئەھمەدتىن:

— ئەھۋالىڭىز قانداق؟ — دەپ سورىغانىدى، ئىمام ئەھمەد:

— ياخشى، — دەپ جاۋاب بەردى.

— تۈنۈگۈن ئاخشام قىزىپ قالدىڭىزمۇ؟ —

— مەن ياخشى دېگەندىكىن، مەن دېيىشىنى يامان كۆرىدىغان نەرسىنى مېنى دېگىلى سالمىغىن.

كېسەل كىشىنىڭ تېۋىپقا ئۆزىدىكى كېسەلنى سۈپەتلەپ بېرىشى تەۋەككۈل قىلىشقا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. سەلەف سالىھلەردىن بەزىسى شۇنداق قىلاتتى ۋە: «مەن تېۋىپقا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزۈمدىكى قۇدرىتىنى سۈپەتلەپ بېرىمەن» دەيتتى. بۇنىڭدا ئۆزىنى قىيىنچىلىققا سەبر قىلىشقا ئۈندەيدىغان بىر ئوقۇغۇچىغا كېسىلىنى سۈپەتلەپ بەرگەندەك ئەھۋال تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ. كېسەللىكنى نېئمەت كۆرۈپ، نېئمەتكە شۈكۈر قىلىپ ۋە كېسەللىكنى نېئمەتنى سۈپەتلىگەندەك سۈپەتلىسە، شىكايەت بولمايدۇ. بىز رىۋايەت قىلدۇقكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن سىلەردىن ئىككى ئادەم قىزىغاندەك قىزىپ كېتىۋاتىمەن» دېگەن[13].

تەۋەككۈل قىلىش ھەققىدىكى تېما ئاخىرلاشتى.

ئىزاھاتلار:

  • [1] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5705)؛ مۇسلىم (218). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
  • [2] ئەھمەد (205، 370)؛ تىرمىزىي (2344)؛ ئىبنى ماجە (4164). ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە» (31) دە: «سەھىھ» دېگەن.
  • [3] ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەتتەۋەككۈل» (3161). ئەۋزائىيدىن مۇرسەلدۇر، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. ئالبانىي: «زەئىفۇلجامىئ» (1189) دە: «زەئىف» دېگەن.
  • [4] بۇخارىي (3905).
  • [5] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5357)؛ مۇسلىم (1757).
  • [6] بىلال، ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلىدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كىردى ۋە ئۇنىڭ قېشىدا بىر خالتا خورما تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: «— ئى بىلال! بۇ نېمە؟ —» دەپ سورىغانىدى، بىلال: «— ئى رەسۇلۇللاھ! بۇلارنى جانابلىرىغا ۋە مېھمانلىرىغا يىغىۋاتىمەن، —» دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئاللاھنىڭ رەسۇلى: «— ئى بىلال! بۇنىڭ دوزاختا تۈتۈن بولۇشىدىن قورقمامسەن؟ بۇنى سەدىقە قىلىۋەتكىن ۋە ئەرش ئىگىسىنىڭ سېنى ئاچ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلمىغىن! —» دېدى. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر» (1013)؛ ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد» (401)؛ بەززار (1978). ئالبانىي: «سەھىھۇلجامىئ» (1512) دە: «سەھىھ» دېگەن.
  • [7] تىرمىزىي (2517). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: «سەھىھۇلجامىئ» (1068) دە: «ھەسەن» دېگەن.
  • [8] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن لوڭقا قويۇپ قان ئالدۇرغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەندۇر.
  • [9] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «داۋالىنىڭلار! چۈنكى، كېسەلنى ياراتقان ئاللاھ دورىسىنىمۇ ياراتقان» دېگەن. ئەھمەد (12596). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. ئىبنى ئەبى شەيبە (23881). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن. تەبەرانىي: «كەبىر» (649). ئۇممۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن. ئالبانىي: «غايەتۇل مەرام» (292) دە: «سەھىھ» دېگەن.
  • [10] ئىبنى ئەبى شەيبە (35581).
  • [11] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5705)؛ مۇسلىم (218). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
  • [12] ئەھمەد (23255)؛ تىرمىزىي (2050)؛ ئىبنى ماجە (3492). ئالبانىي: «مىشكات» (5434) دە: «سەھىھ» دېگەن.
  • [13] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5648)؛ مۇسلىم (2571). ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.

يىگىرمە يەتتىنچى بۆلۈم: ياخشى كۆرۈش، شەۋق، ئۈنس-ئۈلپەتچىلىك ۋە رازىمەنلىك ھەققىدە

بۆلۈم: “يىگىرمە يەتتىنچى بۆلۈم: ياخشى كۆرۈش، شەۋق، ئۈنس-ئۈلپەتچىلىك ۋە رازىمەنلىك ھەققىدە”

شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ماقاملار ئىچىدىكى ئەڭ يۈكسەك ماقامدۇر. ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشكە يەتكەندىن كېيىن، بىرەر دەرىجە مەۋجۇد بولسا ئۇ دەرىجە ياخشى كۆرۈشنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىر نەتىجە ،ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە بۆلەكلىرىدىن بىر ئەگەشمە بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ قىزغىنلىق ئۈلپەتچىلىك ۋە مەمنۇن بولۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاشتۇر. ياخشى كۆرۈشنىڭ، ئالدىدىكى دەرىجە بولسا ياخشى كۆرۈشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ تەۋبە قىلىش. سەبر قىلىش، زاھىدلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارغا ئوخشاش

شۇنى بىلگىنكى، ئۈممەت ئاللاھ تائالانى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. ئاللاھ تائالانى ياخشى «ئاللاھ (ئۇنىڭ :كۆرۈشنىڭ دەلىللىرىدىن ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بار …ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان «بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن . ئايەتنىڭ بىر قىسمى- «5مائىدە-54» بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ غەيرىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۇئمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى ياخشى كۆرگىنىدەك ياخشى كۆرىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۇئمىنلەر «2بەقەرە-165» ئاللاھنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ

بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشنى ئىسپاتلاشقا ۋە ياخشى كۆرۈشنىڭ. پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا دەلىلدۇر

سەھىھ ھەدىستە بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن :قىيامەت توغرۇلۇق سورىغانىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا

— قىيامەتكە نېمە تەييارلىدىڭ؟ — دېدى. ئۇ ئادەم:

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قىيامەتكە كۆپ ناماز ئوقۇش ۋە كۆپ روزا تۇتۇش— بىلەن تەييارلىق قىلمىدىم، لېكىن مەن ئاللاھ تائالانى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ : دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ— پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرىمەن

دېدى — سەن ياخشى كۆرگەن كىشىڭ بىلەن بىللە بولىسەن— مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن بۇ ھەدىسكە خۇشال بولغىنىغا. ئوخشاش خۇشال بولۇپ باقمىغان ئىدى

شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئۆلۈم پەرىشتىسى ئاللاھنىڭ دوستى ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پەرىشتىگە: ‹سىز بىر دوستنىڭ ئۆز دوستىنى ئۆلتۈرگىنىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟› دەيدۇ. ئاللاھ تائالا شۇ ھامان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلىپ: ‹سەن بىر دوستنىڭ ئۆز دوستى بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرگىنىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭ؟› دەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ‹ئۇنداقتا، ئى ئۆلۈم.»پەرىشتىسى! جېنىمنى ئالغىن!› دەيدۇ

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: «رەببىنى تونۇغان كىشى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن

ئاللاھ تائالادىن باشقىنى ياخشى كۆرگەن كىشى ئاللاھ تائالانى تونۇشتا كەمچىلىكى ۋە بىلىمسىزلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈشكە كەلسەك، رەسۇلى ئەكرەمنى ياخشى كۆرۈش ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ. ئالىملارنى ۋە تەقۋالارنى ياخشى كۆرۈشمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ. چۈنكى، ياخشى كۆرۈلگۈچىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىمۇ ياخشى كۆرۈلىدۇ. بەلكى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ قىلغان ئىشىمۇ ياخشى كۆرۈلىدۇ. ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئەلچىسىمۇ ياخشى كۆرۈلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى ياخشى كۆرۈشكە باغلىق. ھەقنى كۆرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ھەقىقەتتە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي رەۋىشتە ياخشى كۆرۈلگۈچى .يوقتۇر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي ياخشى كۆرۈلۈشكە لايىق زاتمۇ يوقتۇر

ياخشى كۆرۈشكە يېگانە ئاللاھنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنىڭ بايانى

بۇنى بىرنەچچە سەۋەبلەر بىلەن ئىزاھلاشقا بولىدۇ:

،بىرىنچى سەۋەب: ئىنسان ئۆزىنى، ھايات قېلىشىنى، مۇكەممەللىكنى ،مەۋجۇدلۇقىنىڭ داۋاملىشىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ھالاك بولۇش، يوقۇلۇش ۋە نۇقسانلىق بولۇشنى يامان كۆرىدۇ. بۇ بولسا ھەربىر جانلىقنىڭ تەبىئىتىدۇر. ھەربىر جانلىقنىڭ بۇ تەبىئەتتىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ،ھالەت ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى قاتتىق ياخشى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇسا، ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ، داۋاملىق ياشاش ۋە مۇكەممەل بولۇشىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى يوقلۇقتىن بارلىققا، كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى يارىتىپ مۇكەممەل قىلىشتىن ئىبارەت پەزلى بولمىسا نۇقسانلىق ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەسەن، ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: «پەرۋەردىگارىنى تونۇغان كىشى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ .دۇنيانىڭ ماھىيتىنى تونۇغان كىشى ئۇنىڭغا قىزىقمايدۇ» دېگەن

ئىنساننىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۆزىنى ياراتقان پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرمەسلىكى قانداقمۇ ئەقىلگە سىغسۇن! بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى .بولمايدۇ

ئىككىنچى سەۋەب: ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان، كۆيۈنگەن، تەسەللى بەرگەن، ئۆزىگە ياردەم بېرىشكە ۋە دۈشمىنىنى يوقىتىشقا ئاتلانغان ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن كىشىنى تەبىئىي ھالدا ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلغان كىشى ئۇنىڭ نەزەرىدە سۆيۈملۈكتۇر. ئىنسان بۇنى ھەقىقىي رەۋىشتە بىلسە، ھەقىقىي ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىقلىرىنى ھېسابلاپ بولغىلى «ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ :بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ ،ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر. ئىنسان شەك شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە) كۇفرىلىق «14ئىبراھىم-34» قىلغۇچىدۇر

ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتىنىڭ كۆپلۈكىگە «شۈكۈر قىلىش توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتۇق. شۇنداقتىمۇ ئېيتىشىمىز كېرەككى: كىشىلەر. تەرەپتىن قىلىنغان ياخشىلىق پەقەت مەجازىي (كۆچمە مەنىدىكى) ياخشىلىقتۇر. ھەقىقەتتە بولسا ياخشىلىق قىلغۇچى ئاللاھ تائالادۇر

بۇنىڭ بايانى: بىز بىر شەخسنى پەرەز قىلايلى، ئۇ شەخس ئۆز خەزىنىسىدىكى يوقىنى ساڭا ئىنئام قىلىدۇ، خەزىنىسىدىكى نەرسىلەرنى خاھلىغانچە- بار ئىشلىتىشىڭگە ئىمكانىيەت بېرىدۇ. سەن بۇنى شۇ شەخسنىڭ ياخشىلىقى، دەپ. يۇقىرىقى مەنبە ئويلايسەن، ھالبۇكى بۇنداق ئويلىشىڭ خاتادۇر.

چۈنكى، ئۇنىڭ شۇ ياخشىلىقىنىڭ سەۋەبى مال ۋە مالغا بولغان ئىگىدارچىلىقى ھەمدە ئۇ كىشىنى شۇ مالنى سەرپ قىلىشقا قوزغىغان تۈرتكە بولدى. بىلىش كېرەككى، ئۇ شەخسنى يارىتىش، ئۇنىڭ مېلىنى يارىتىش، ئۇنىڭدىكى خاھىش ۋە تۈرتكىلەرنى يارىتىش بىلەن ئۇنىڭغا كىم ئىنئام قىلدى؟ كىم ئۇنىڭغا سېنى سۆيۈملۈك كۆرسەتتى؟ كىم ئۇنىڭ يۈزىنى سەن تەرەپكە قايتۇردى؟ ئۇنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىقىنىڭ ياخشى بولۇشى ساڭا ياخشىلىق قىلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ كۆڭلىگە كىم تاشلىدى؟ بۇلار بولمىسا ئىدى، ئۇ شەخس ساڭا ھېچنەرسە بەرمىگەن بولاتتى. ئۇ شەخس شۇلارنى ساڭا تاپشۇرۇشقا ھېچ قارشىلىق قىلالمايدىغان، شۇنىڭغا مەجبۇرلانغان ئادەمدەك بولۇپ قالدى. دېمەك، ياخشىلىق قىلغۇچى ئاللاھ تائالا ئۇ شەخسنى مەجبۇر قىلدى ۋە ئۇنى ساڭا بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئۇ شەخس بولسا خۇددى ئەمىرنىڭ خەزىنىچىسىدۇر. ئەمىر ئۇنىڭغا شۇ ئىنسانغا بۇيرۇغان نەرسىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. خەزىنىدار ئەمىر. بېرىشكە بۇيرۇغان نەرسىنى بېرىشى بىلەن ياخشىلىق قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ چۈنكى، خەزىنىدار ئەمىرگە بويسۇنۇشقا مەجبۇردۇر. ئەگەر ئەمىر ئۇنى ئۆز. مەيلىگە قويسا، خەزىنىدار ئۇنى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرمەيتتى ھەرقانداق ياخشىلىق قىلغۇچى شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە، ئۇ تاكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىغا تۈرلۈك سەۋەبلەرنى پەيدا قىلىپ، سەرپ قىلىش ئۇنىڭغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالمىغۇچە باشقىلارغا بىر تال دانمۇ بەرمىگەن بولاتتى. شۇڭا، ئاللاھ تائالانى ،ھەقىقىي تونۇغۇچى پەقەت ئاللاھ تائالانىلا ياخشى كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى .ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىدىن ئۆز مەيلىچە ياخشىلىق كېلىشى مۇمكىن ئەمەس

ئۈچىنچى سەۋەب: ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ياخشىلىقى ساڭا يەتمىگەن تەقدىردىمۇ ياخشىلىق قىلغۇچى ئەسلىدىلا ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتلىرىگە سۆيۈملۈكتۇر. چۈنكى، سەن «بىر پادىشاھ بار بولۇپ، ئالىم، ئادىل ۋە ئابىد ئىكەن، خەلقىگە مېھرىبان ئىكەن ۋە ئۇلارغا كۆيىنىدىكەن» دەپ ئاڭلىساڭ، ئۇ پادىشاھ بەك يىراقتا بولسىمۇ سەن ئۇنى ياخشى كۆرىسەن. قەلبىڭدە ئۇنىڭغا ساڭا ياخشىلىق— كۆپ مايىللىقنى سېزىسەن. بۇ بولسا ياخشىلىق قىلغۇچىنى ئۇنىڭ ياخشلىق قىلغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ياخشى— قىلغۇچى بولمىسىمۇ كۆرۈشتۇر. مانا بۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشنى، شۇنداقلا ھەقتائالادىن. باشقىنى ياخشى كۆرمەسلىكنى تەلەپ قىلىدىغان سەۋەبتۇر

ئاللاھ تائالادىن باشقىسىنى ياخشى كۆرسىمۇ، مەلۇم سەۋەب يۈزىدىن ياخشى

كۆرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارغا ئۇلارنىڭ زۆرۈر ھاجەتلىرى ۋە باياشات ياشاش سەۋەبلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى مۇكەممەل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن. باشقىمۇ ساناقسىز نېئمەتلەرنى يارىتىش بىلەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى». بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، ئىنسان، شەك كۇفۇرلۇق نېئمەتلىرىگە) (ئاللاھنىڭ قىلغۇچىدۇر، زۇلۇم شۈبھىسىزكى، . شۇنداق ئىكەن، ئاللاھ تائالادىن باشقىسى قانداقمۇ «14ئىبراھىم-34» قىلغۇچىدۇر ھەقىقىي ياخشىلىق قىلغۇچى بولسۇن! ئۇ ياخشىلىق قىلغۇچى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ قۇتلۇق ياخشىلىقلىرىدىن بىر ياخشىلىقتۇر. كىمكى بۇنى بىلسە، پەقەت. ئاللاھ تائالانىلا ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ

ھەمدە دەيمىزكى: بىر كىشى «ئىلىملىك ۋە قۇدرەتلىك» دەپ تەرىپلەنسە ياكى ئۇ كىشى ناچار خۇلقلاردىن پاك كىشى بولسا، بۇ ھەم ئۇ كىشىنى ياخشى .كۆرۈشكە سەۋەب بولىدۇ

قەلبلەر تەبىئىي ھالدا ياخشى كۆرىدىغان سىددىقلارنىڭ سۈپەتلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى، پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ شەرىئەتلىرىنى بىلىشىكە ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، ناچار، رەزىل خۇلقلاردىن پاك بولۇشقا قادىر بولۇشلىرىدۇر. ئۇشبۇ سۈپەتلەر سەۋەبلىك پەيغەمبەرلەر ياخشى كۆرۈلىدۇ. پەيغەمبەرلەردىكى بۇ سۈپەتلەرنى ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرساڭ، بۇ سۈپەتلەرنىڭ نەقەدەر ئاجىز. سۈپەتلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسەن

ئىلىمگە كەلسەك، ئاۋۋالقىلارنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئىلمى بارلىق نەرسىلەرنى ،«ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر. تولۇق بىلىدىغان ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدىن كېلىدۇ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھتىن يىراق ئەمەستۇر، ئۇنىڭ (يەنى زەررە) دىن كىچىكرەك نەرسە بولسۇن، چوڭراق نەرسە بولسۇن، لەۋھۇلمەھپۇزدا :. ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارغا خىتاب قىلىپ «34سەبەئ-3» خاتىرىلەنمىگىنى يوقتۇر . دېگەن «17ئىسرائ-85» «سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەندۇر

ئەگەر ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلى ئاللاھ تائالانىڭ بىر چۈمۈلىنى يارىتىشتىكى ياكى بىر تال پاشىنى يارىتىشتىكى تەپسىلى ھېكمىتىنى تولۇق بىلىش ئۈچۈن توپلانغان تەقدىردە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلىم ۋە ھېكىمىتىنىڭ ئوننىڭ بىرىنىمۇ «ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خاھلىغان. بىلەلمەيدۇ نەرسىلەردىن (پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچنەرسىنى «2بەقەرە-255» بىلمەيدۇ

بارلىق مەخلۇقاتلار ئۆزلىرى بىلگەن ئازغىنە ئىلىمنى ئاللاھ تائالانىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن بىلگەندۇر. دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ مەلۇماتلىرىنىڭ پايانى- ئىلمىدىن ئارتۇقلۇقى چەكسىزدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ بىلىم. يوقتۇر. قادىر بولۇش سۈپىتىگە كەلسەك، قادىر بولۇشمۇ ھەم مۇكەممەللىك سۈپىتىدۇر، بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ قۇدرىتىنى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە مەنسۇپ قىلغىن ، قۇۋۋەت جەھەتتە ئەڭ بۈيۈك، مۈلۈك جەھەتتە ئەڭ كەڭرى- چۈنكى كۈچ جازالاش جەھەتتە ئەڭ قاتتىق، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى باشقۇرۇشقا كۈچى يېتەرلىك بىر كىشىنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئۆزىنىڭ بەزى سۈپەتلىرىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ بەزى ئىشلاردىكى سىنىقىغا ئىگە بولۇشتۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇ «ئۆزىدىن بىرەر زىياننى دەفئ قىلالمايدۇ. (باشقىلارنىڭ) ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ» «25فۇرقان-3».

بەلكى ئۇ كۆزىنى قارىغۇ بولۇپ قېلىشتىن ياكى تىلىنى گاچىلىقتىن، ياكى .قۇلىقىنى گاسلىقتىن ۋەياكى تېنىنى كېسەل بولۇشتىن ساقلىيالمايدۇ مەخلۇقاتلاردىن زەررىنى پەيدا قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. ئۇ شەخس ئۆزى ۋە باشقىلار توغرىسىدا قادىر بولغان ئىشلاردىكى قۇدرىتىمۇ ئۆزىدىن ئەمەس. بەلكى ئاللاھ ئۇنى، قۇدرىتىنى ۋە سەۋەبلىرىنى ياراتقۇچى، ئۇنىڭغا مۇمكىنچىلىك بەخش ئەتكۈچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا زېمىندىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ بۈيۈك بىر پادىشاھقا بىر تال پاشىنى مۇسەللەت قىلىدىغان بولسا، ئۇ پاشا ئۇنى ھالاك قۇدرەت بەرگەندىلا- قىلغان بولاتتى. دېمەك، بەندە پەرۋەردىگارى ئۆزىگە كۈچ . قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ- ئۇ كۈچ

ئاللاھ تائالا زېمىندىكى ئەڭ چوڭ پادىشاھلاردىن بىرى بولغان زۇلقەرنەين قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز- «ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ :ھەققىدە .دېگەن «18كەھف-84» مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق

دېمەك، ئۇنىڭ بارلىق مۈلكى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا كۈچ قۇدرەت ئاتا قىلغانلىقى بىلەن بارلىققا كەلگەن. بارلىق مەخلۇقاتلارنى باشقۇرۇش- ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدىدۇر ۋە كامالى قۇدرىتى ئىچىدىدۇر. ئەگەر ئۇلارنى ئاللاھ تائالا ھالاك قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ مۈلكى ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىن زەررىچىلىك نەرسە كېمىيىپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ مىڭ ئوخشىشىنى ياراتسىمۇ، مەخلۇقاتلىرىغا پەرۋا قىلىپ قالمايدۇ. ئاللاھ تائالادىن باشقا قادىر زات )يوقتۇر. ھەقىقىي مۇكەممەللىك، بۈيۈكلۈك، گۈزەللىك، ئۇلۇغلۇق، (مۇتلەق

بويسۇندۇرۇش ۋە ئىگىدارچىلىق قىلىش ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر. ئەگەر قۇدرەت ئىگىسى بىرىنى قۇدرىتى، بۈيۈكلۈكى ۋە مۇكەممەل ئىلمى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش تەسەۋۋۇر قىلىنسا، بۇ ياخشى كۆرۈشكە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم لايىق. بولمايدۇ. مۇكەممەل پاكلىق ۋە مۇقەددەسلىك پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر ئاللاھ تائالا تەڭدىشى يوق يېگانە زاتتۇر. رەقىبى يوق بىر زاتتۇر. ئۇنىڭدىن ئىلاھلىقنى تالاشقۇچى يوق، ھېچنېمىدىن بىھاجەت زاتتۇر. ئاللاھ تائالا خاھلىغىنىنى قىلىدۇ، خاھلىغان بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىنى رەت قىلىپ قايتۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭ قازاسىنى كېچىكتۈرگۈچى يوقتۇر. ئۇنىڭ ئىلمىدىن زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە چۈشۈپ قالمايدىغان، ھەممىنى تولۇق- ئاسمان. بىلىپ تۇرىدىغان زاتتۇر

دېمەك، ئارىفلارنىڭ ئىلمىنىڭ مۇكەممەللىكى ئاللاھ تائالانى تونۇشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتىدۇر. ئۇ ئاللاھ ئەسلا ھېچبىر شېرىكى بولمايدىغان. دەرىجىدە مۇكەممەل ياخشى كۆرۈشكە لايىق زاتتۇر

پەسىل: ئاللاھنى تونۇش ۋە ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراشنىڭ ئەڭ چوڭ لەززەت ئىكەنلىكى ۋە بۇ نېئمەتتىن مەھرۇم قالغان كىشىنىڭلا باشقا لەززەتنى ئارتۇق بىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: ئاللاھنى تونۇش ۋە ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراشنىڭ ئەڭ چوڭ لەززەت ئىكەنلىكى ۋە بۇ نېئمەتتىن مەھرۇم قالغان كىشىنىڭلا باشقا لەززەتنى ئارتۇق بىلىدىغانلىقى توغرىسىدا”

ئىدراكلارغا ئەگەشكۈچىدۇر. ئىنسان ھەرخىل- شۇنى بىلگىنكى، لەززەتلەر ئاڭ قۇۋۋەت ۋە تەبىئەتلەرنى ئۆزىگە جەم قىلغاندۇر. ئىنساندىكى ھەربىر قۇۋۋەت ۋە ،تەبىئەتنىڭ لەززىتى بولىدۇ. ئىنساندىكى بۇ تەبىئەتلەر بىھۇدە يارىتىلغان ئەمەس بەلكى بىر مەقسەت ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئۇ مەقسەت تەبئىيكى، ئىنسان. تەبئىتىنىڭ تەلىپىدۇر

تائامغا قىزىقىش تەبىئىتى ئىنساننىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش سەۋەبى بولمىش. غىزانى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. كۆرمەك ۋە ئاڭلىماق كۆرۈش ۋە ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ لەززىتىدۇر. شۇنىڭدەك قەلبتە «ئىلاھىي نۇر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەبىئەت بولىدۇ بەزىدە بۇ تەبىئەت «ئەقىل، يوشۇرۇن كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئىمان ۋە جەزمىيەت نۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تەبىئەت بارلىق ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى ئۆز ئەينى بىلىنىشى - مەرىپەتتۇر. ئىلىم- ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ تەقەززاسى ئىلىم. مەرىپەت بولسا ئۇنىڭ لەززىتىدۇر

كىچىككىنە نەرسە ھەققىدە ئىلىمگە ئېرىشىشنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش

ئىكەنلىكى، كىچىككىنە نەرسە بولسىمۇ ئۇنى بىلمەسلىكنىڭ كۆڭۈل يېرىم قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكى ھېچكىمگە مەخپىي ئەمەس. بۇنداق بولۇشى ئىلىم لەززىتىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكى ۋە ئىلىم بولغاندىلا ئىنسان ئۆزىنىڭ مۇكەممەل. بولىدىغانلىقىنى سەزگەنلىكى ئۈچۈندۈر. چۈنكى، ئىلىم ئەڭ گۈزەل سۈپەتتۇر مۇكەممەللىك غايىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسان زېرەكلىكى، ئىلمىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكى بىلەن ماختالسا تەبىئىي ھالدا خۇشاللىنىدۇ. دېھقانچىلىق ۋە تىككۈچىلىكنى بىلىش لەززىتى مۈلكىي ئىدارە ۋە كىشىلەرنى باشقۇرۇشنى بىلىش، لەززىتىگە ئوخشىمايدۇ. شېئىر ۋە گىرامماتىكىنى بىلىش لەززىتى ئاللاھ تائالانى .پەرىشتىلىرىنى، ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتىنى تونۇش لەززىتىگە ئوخشىمايدۇ بەلكى ئىلىمنىڭ لەززىتى ئىلىمنىڭ ئۇلۇغ بولۇشىغا قاراپ ئۇلۇغ بولىدۇ. ئىلىمنىڭ. ئۇلۇغ بولۇشى مەلۇماتنىڭ ئۇلۇغ بولۇشغا قاراپ ئۇلۇغ بولىدۇ

، مەرىپەت ئىكەنلىكى- بۇ سۆزلەردىن ئۇلۇغ ئىلىمنىڭ ئەڭ لەززەتلىك ئىلىم ئىلىمنىڭ ئۇلۇغ بولۇشى مەلۇماتنىڭ ئۇلۇغ بولۇش مىقدارىچە بولىدىغانلىقى ئايان. بولىدۇ

ئەگەر مەلۇماتلار ئىچىدە ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كاتتا بىرنەرسە بار بولسا، ئۇ نەرسىنى بىلىش ئەڭ لەززەتلىك ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىمنى .بىلگەنلىك ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھە يوقتۇر

كاشكى ھېس قىلسامچۇ! كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياراتقۇچى، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگۈچى، بېزىگۈچى، ئەۋۋەلا بارلىققا كەلتۈرگۈچى، قايتا تىرىلدۈرگۈچى ۋە تەرتىپلىگۈچى ئاللاھ تائالادىنمۇ بۈيۈك، ئالىي، مۇكەممەل، ئۇلۇغ، ۋە كاتتا بىر زات بارمۇ؟ پادىشاھلىق، مۇكەممەللىك، گۈزەللىك، كۆركەملىك ئۇلۇغلۇقتا ۋە ئۇلۇغلۇقىنى، مۇكەممەللىكىنى، ئىشلىرىنىڭ ئاجايىباتلىرىنى سۈپەتلىگۈچىلەرنىڭ سۈپەتلىشىمۇ تولۇق بايان قىلالمايدىغان جانابىي ئاللاھ !تائالادىنمۇ ئالىيجاناب بىرى بارمۇ؟

مەرىپەت لەززىتىنىڭ بەش سەزگۈ ئەزا بىلەن ھېس قىلىنىدىغان- شۇڭا، ئىلىم بارلىق لەززەتلەردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك. چۈنكى، ئىلمى مۇكەممەل كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە يوشۇرۇن سۈپەتلەر ئاشكارا لەززەتلەردىن غالىبتۇر. ئەگەر بىر ئادەم سېمىز توخۇ ۋە ھالۋا يېيىش لەززىتى بىلەن باشلىق بولۇش، دۈشمەنلەرنى بويسۇندۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئىستىلا قىلىش ھۇزۇرى ئارىسىدا ئۆز ئىختىيارىغا قويۇلسا، ئەگەر كىشى ھىممىتى پەس، قەلبى ئۆلۈك ۋە ھايۋانىي شەھۋىتى كۈچلۈك كىشى بولسا، توخۇ ۋە ھالۋىنى تاللايدۇ. ئەگەر ئۇ ئالىي ھىممەت ۋە ئەقلى كامىل كىشى بولسا، ئەمەل ئىگىسى بولۇشنى تاللايدۇ ۋە ئۇنىڭ

سۇسىز، زۆرۈر ئوزۇقنى يېمەي بىرنەچچە كۈن سەبر قىلىش تەس- ئۈچۈن ئاچ -كەلمەيدۇ. مانا بۇ، ئۇنىڭ باشلىق بولۇشنى تاللىغانلىقى ئۇنىڭ نەزەرىدە ئەمەل. مەنسەبنىڭ ياخشى تائاملاردىن لەززەتلىك ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر

مەرتىۋە لەززىتى- نۇقساندىن خالىي كىشىگە ئەمەل- ئالىي ھىممەت ۋە ئەيىب ئەڭ غالىب لەززەت بولغىنىدەك، ئاللاھ تائالانى تونۇش ۋە ئىلاھىي ئىشلارنىڭ سىرلىرىغا قاراش لەززىتى كىشىلەرگە غالىب كەلگەن ئەڭ يۇقىرى لەززەت بولغان باشلىق بولۇش لەززىتىدىن بەكرەك لەززەتلىكتۇر. بۇنى پەقەت ھەر ئىككى لەززەتنى تېتىپ باققان كىشىلا بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇشبۇ ئەڭ يۇقىرى لەززەتنى تېتىغان كىشى ئاياللارغا بېرىلمەسلىك، يالغۇزلۇق، پىكىر قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانى - مەرىپەت دېڭىزلىرىغا شۇڭغۇيدۇ ۋە ئەمەل- زىكىر قىلىشنى تاللايدۇ، ئىلىم مەنسەبنى تاشلايدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلنىڭ يوقىلىدىغانلىقى، باشقۇرىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ يوقىلىدىغانلىقى، باشلىقلىق قىيىنچىلىق بىلەن ئارىلاشقانلىقى ۋە كەسكىن ھالاكەت ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلەرنى باشقۇرۇش ئىشىنى تۆۋەن كۆرىدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە ئاللاھ تائالانى تونۇش، ئاللاھ تائالانىڭ ئېتىشلىرىنى ۋە ئۇ زاتنىڭ مەملىكىتىنىڭ تۈزۈمىنى- سۈپەتلىرىنى بىلىش، قىلىش بىلىش ئىنتايىن چوڭ ئىش بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ زاتنىڭ مەملىكىتى تالاشقۇچىدىن ۋە بىئارام قىلغۇچىدىن خالىيدۇر. ئارقىمۇئارقا كەلگەنلەرنى سىغدۇرۇپ، ئۇلارغا «كەڭلىكى تار كېلىپ قالمايدۇ. بۇلارنى بىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى تونۇغۇچى نى كۆرۈشى بىلەن جەننەت «3ئال ئىمران-133» ئاسمان ۋە زېمىنچە كېلىدىغان جەننەت باغچىلىرىدا يايرايدۇ. جەننەت مېۋىلىرىنى ئۈزىدۇ. جەننەتنىڭ كۆللىرىدىن سۇ .ئىچىدۇ. ئۇ كىشى بۇ نېئمەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىدىن خاتىرجەمدۇر. چۈنكى، ئۇ نېئمەتلەر ئەبەدى ۋە مەڭگۈلۈك بولۇپ، ئۇنى ئۆلۈم ئۈزۈپ قويمايدۇ چۈنكى، ئۆلۈم ئاللاھ تائالانى تونۇش ئورنىنى يىقىتىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالانى تونۇش ئورنى بولسا روھتۇر. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۆلۈم پەقەت روھنىڭ ھالىنى .ئۆزگەرتىدۇ، لېكىن روھنى يوقىتالمايدۇ

ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا پەرقلىق دەرىجىلەردە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دەرىجىلىرىنىڭ پەرقلىرىنى ھېسابلاپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىشلار پەقەت زەۋق ئارقىلىق بىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ھېكايە قىلىشنىڭ پايدىسى بەك ئازدۇر. بۇ سۆزلەر ساڭا ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ ئەڭ لەززەتلىك. ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتۈپ بىر لەززەتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «ئاللاھ تائالانىڭ شۇنداق بەندىلىرى باركى، ئۇلارنى ئاللاھ تائالادىن دوزاخ قورقۇنچىسى

ۋە جەننەت ئۈمىدى مەشغۇل قىلالمايدۇ، شۇنداق ئىكەن، دۇنيا ئۇلارنى ئاللاھ »!تائالادىن قانداقمۇ مەشغۇل قىلالىسۇن؟

مەئرۇف ئەلكەرخىينىڭ بىر ھەمراھى ئېيتىدۇ: مەن مەئرۇف ئەلكەرخىيگە:

جىم- دېگەنىدىم، ئۇ الم— قايسى نەرسە سېنى ئىبادەتكە باشلىدى؟— :دېمىدى. مەن

— ئۆلۈمنى ئەسلەشمۇ؟ — دېدىم. ئۇ:

دېدى — ئۆلۈم قانداق نەرسە؟—

ئەمىسە قەبرنى ئەسلەشمۇ؟—

قەبر دېگەن نېمە؟—

ئەمسە دوزاختىن قورقۇش ۋە جەننەتنى ئۈمىد قىلىشمۇ؟—

ئۇ نېمە؟ بىر پادىشاھنىڭ قولىدا ئېيتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسى بولسا ۋە سەن— ئۇ پادىشاھنى ياخشى كۆرسەڭ، ئۇنىڭ سۆيگۈسى سەندىن ئېيتىلغان نەرسىلەرنىڭ، ھەممىسىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەگەر سەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا تونۇشۇش بولسا. ئۇ پادىشاھ ساڭا شۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىغاندىمۇ بەكرەك كۇپايە قىلىدۇ

ئەھمەد ئىبنى فەتىھ رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر:

: مەن بىشر ئىبنى ھارىسنى چۈشۈمدە كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن—

دەپ سورىغانىدىم، ئۇ بېشىنى— مەئرۇف ئەلكەرخىينىڭ ئەھۋالى قانداق؟— :مىدىرلىتىپ

بىزنىڭ ئارىمىزنى پەردىلەر توسۇۋالدى. مەئرۇف ئەلكەرخىي ئاللاھ تائالاغا— ئۇنىڭ جەننىتىگە قىزىقىپ ياكى دوزىخىدىن قورقۇپ ئىبادەت قىلمىغان ئىدى ،پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىنتىزار بولۇپ ئىبادەت قىلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا كۆتۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى دېدى — پەردىلەرنى كۆتۈرۈۋەتتى

دېمەك، بىر كىشىدە ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ھاسىل بولسا، ئۇنىڭ قەلبى ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشكە غەرق بولىدۇ ۋە جەننەتكە، دوزاخقا قارىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشى ئەڭ يۇقىرى نېئمەتكە يەتكەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ :بەزىلىرى مۇنداق دېگەن، ئاللاھنى ئۇنتۇش ئېغىردۇر ئۇنىڭ دوزىخىدىن. ئاللاھقا يېتىش ياخشىدۇر ئۇنىڭ جەننىتىدىن

بۇ سۆزنى دېگۈچى بۇ سۆزى بىلەن قەلبنىڭ ئاللاھ تائالانى تونۇشتىكى لەززىتىنى ئىرادە قىلغاندۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ تائالانى تونۇش يېيىش، ئىچىش ۋە نىكاھلىنىش لەززىتىدىن ئارتۇقتۇر. چۈنكى، جەننەت سەزگۈ ئەزالارنىڭ. مەنپەئەت ئېلىش كانىدۇر. قەلبنىڭ لەززىتى پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشتىدۇر

  • شۇنى بىلگىنكى، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالاغا قاراش لەززىتى دۇنيادىكى ئىلىم مەرىپەت لەززىتىدىن زىيادە بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلارغا قويغان يولى شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، ئىنسان نەپسى بەدەن توسالغۇلىرى، شەھۋەت تەلەپلىرى ،ۋە ئىنسانىي سۈپەتلەردىن غالىب كېلىدىغان سۈپەتلەر بىلەن پەردىلەنسە كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ. بەلكى بۇ ھايات زۆرۈر ھالدا ئىنسان نەپسىدىن. پەردىلىنىدۇ. بۇ بولسا كۆزلەرنىڭ كۆرۈشىنى كىرپىكلەرنىڭ توسقىنىغا ئوخشايدۇ بۇ سۈپەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆرۈشكە توسالغۇ بولىدىغانلىقى سەۋەبى ھەققىدە ،سۆزلىسەك، گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ. توسالغۇ ئۆلۈم بىلەن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە ئىنسان نەپسى دۇنيا بىلەن بىر تۈرلۈك بۇلغۇنۇش بار ھالەتتە قالىدۇ. ئاندىن جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرگۈزۈلۈپ بارلىق بۇلغىنىشلاردىن پاكلانغاندا، ئاللاھ. ئەززە ۋەجەللە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى دۇنيادا تونۇش مىقدارىچە ئاشكارا بولىدۇ

دېمەك، دۇنيادا ئاللاھ تائالانى تونۇمىغان ھەرقانداق كىشى ئاللاھ تائالانى ئاخىرەتتە كۆرەلمەيدۇ. دۇنيادا ئاللاھ تائالاغا دوست بولمىغان كىشى ئاخىرەتتە .ئاللاھ تائالاغا يېڭىدىن دوست بولالمايدۇ. بىر كىشى نېمە تېرىسا، شۇنى ئورۇيدۇ ئىنسان قانداق ياشىغان بولسا، شۇ بويىچە ئۆلىدۇ. ئىنسان ئۆزىگە ھەمراھ بولغان مەرىپەت ئۆلۈم- مەرىپەتنىڭ ئۆزى بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ. لېكىن، ئىلىم- ئىلىم كېلىپ پەردىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئاخىرەتتە لەززەت ھەسسىلەپ بولىدۇ. ھەقىقىي ھايات ئاخىرەتتىكى «ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقىي ھايات :ھاياتتۇر. ئاللاھ تائالا . دېگەن «29ئەنكەبۇت-64» ئىدى

مەرىپەت مىقدارىچە بولىدۇ. شۇنىڭ- ئاخىرەتتىكى ھەقىقىي ھايات ئىلىم ئۈچۈن ھەدىستە: «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۆمرى ئۇزۇن ۋە ئەمىلى ياخشى بولغىنىدۇر» دېيىلگەن

مەرىپەت داۋاملىق تەپەككۇر قىلىش، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئىلىم-مەرىپەت داۋاملىق تەپەككۇر قىلىش، زىكىر ئېيتىش، نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش، دۇنيا ئالاقىلىرىدىن ئۆزىنى تارتىش ۋە ،ئىلىم تەلەپ قىلىشقا ئاتلىنىش ئارقىلىق ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن تولۇقلىنىدۇ .كۆپىيىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ

بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ مەزمۇنلار ئارقىلىق سەن ياخشى كۆرۈشنىڭ مەرىپەت لەززىتىنىڭ مەنىسىنى، قاراش ۋە ئۇنىڭ لەززىتىنىڭ- مەنىسىنى، ئىلىم مەنىسىنى، ئۇنىڭ كامالەت ئەھلىنىڭ قارىشىدا بارلىق لەززەتلەردىن لەززەتلىك. بولۇشىنىڭ مەنىسىنى بىلدىڭ

پەسىل: ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنى كۈچلەندۈرىدىغان سەۋەبلەر، ياخشى كۆرۈشتە كىشىلەرنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانى تونۇشتا كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇپ قېلىش سەۋەبى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنى كۈچلەندۈرىدىغان سەۋەبلەر، ياخشى كۆرۈشتە كىشىلەرنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانى تونۇشتا كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇپ قېلىش سەۋەبى توغرىسىدا”

شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ تائالانى بەك ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئاخىرەتتە .ئەڭ بەختلىك ۋە ھالى ئەڭ ياخشى بولىدىغان كىشىلەردۇر

چۈنكى، ئاخىرەتنىڭ مەنىسى «ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىش ۋە ئۇ زات سائادەت تېپىش» دېمەكتۇر. ئۇزۇن ۋاقىت كۈتكەندىن- بىلەن ئۇچرىشىپ بەخت كېيىن، ئاشىقنىڭ مەشۇقى يېنىغا كېلىشى ۋە ئۇنى ھېچقانداق قىيىنچىلىق ۋە ! ھە- توسالغۇسىز كۆرەلىشى نېمىدېگەن كاتتا نېئمەت

لېكىن، بۇ نېئمەت ياخشى كۆرۈش مىقدارىچە بولىدۇ. ياخشى كۆرۈش قانچە زىيادە بولسا، لەززەتمۇ شۇنچە زىيادە بولىدۇ. مۇئمىن ياخشى كۆرۈشنىڭ . مەرىپەت يىلتىزىدىن ئايرىلمايدۇ- يىلتىزىدىن ئايرىلمايدۇ. چۈنكى، مۇئمىن ئىلىم قاتتىق ياخشى كۆرۈش ۋە ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىنى ئىگىلىشى بولسا كۆپ كىشىلەردە بولمايدۇ. شەكسىزكى، بۇ ھالەت ئىككى سەۋەبتىن ھاسىل :بولىدۇ

بىرىنچىدىن: دۇنيا ئالاقىلىرىدىن ئۆزىنى تارتىش ۋە ئاللاھ تائالادىن ئۆزگە .نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى قەلبتىن چىقىرىپ تاشلاش بىلەن ھاسىل بولىدۇ چۈنكى، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئاجىز بولۇپ قېلىشىنىڭ بىر سەۋەبى ،دۇنيا مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇپ قېلىشىدۇر. قەلب دۇنياغا قانچىكى بېرىلسە ئاللاھ تائالادىن شۇنچىكى يىراقلىشىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىككى كۈندەش ئايالغا. ئوخشايدۇ

قەلبتىن دۇنيا سۆيگۈسىنى چىقىرىپ تاشلاش يولى بولسا زاھىدلىق يولىدا، مېڭىش، سەبرچان بولۇش، بۇ ئىككىسىدە ھەم قورقۇش، ھەم ئۈمىدۋار بولۇش

«تەۋبە قىلىش توغرىسىدا»، «سەبر قىلىش توغرىسىدا»، «شۈكۈر قىلىش توغرىسىدا»، «زاھىدلىق توغرىسىدا»، «قورقۇش توغرىسىدا» دېگەن تېمىلاردا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ماقاملاردا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەزمۇنلارغا ئەمەل قىلىش. ئارقىلىق بولىدۇ

ئىككىنچىدىن: ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۇ زاتنى ياخشى ، مەرىپەت ھاسىل بولغاندا- كۆرۈشنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئىلىم مەرىپەتكە بولسا- ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشى كۆرۈش ھاسىل بولىدۇ. شۇ ئىلىم قەلب دۇنيا مەشغۇلاتلىرىدىن خالىي قالدۇرۇلغاندا، ساپ پىكىر قىلىش، دائىما - زىكىر ئېيتىش، تىرىشىپ ئىلىم تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ قىلىم ئېتىملىرىنى دەلىل سۈپىتىدە كەلتۈرۈش قاتارلىقلار يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئېتىملىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مىسالى پەرىشتىلەر ۋە ئاسمانلارنىڭ سەلتەنىتى- قىلىم. شۇنداقلا زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىلەردۇر

زېمىندىن يۈز ئاتمىش— ھەجمىنىڭ كىچىك كۆرۈنۈشىگە قارىماي— قۇياش نەچچە ھەسسە چوڭدۇر. زېمىن ھەجمىنىڭ قۇياشقا سېلىشتۇرغاندا بەك كىچىك ئىكەنلىكىگە قارىغىن، ئاندىن قۇياشنىڭ ھەجمىنىڭ قۇياش مەركەزلەشكەن قارىغاندا قانچىلىك كىچىكلىكىگە قارىغىن! تۆتىنچى ئاسمانتۆتىنچى ئاسمانغا ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانلارغا سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ كىچىكتۇر. يەنە «يەتتە قات، ئاسمان كۇرسىي ئالدىدا بەئەينى چۆلگە تاشلانغان بىر تال ھالقىغا ئوخشايدۇ كۇرسىي بولسا ئەرش ئالدىدا قۇم دېڭىزىغا تاشلاپ قويۇلغان بىر تال مونچاققا.»ئوخشايدۇ

ئاندىن زېمىندىن ئېلىنغان بىر ئوچۇم تۇپراقتىن يارىتىلغان ئادەملەر ۋە جىمى ھايۋاناتلارنىڭ زېمىنغا نىسبەتەن نەقەدەر كىچىك ئىكەنلىكىگە قارىغىن! شۇ ھاشارەتلەردىن— جۈملىدىن پاشا سەن تونۇيدىغان كىچىك ھايۋانلاردىن بىرىدۇر. نەق شۇ تاپتىكى ئەقلىڭ بىلەن قارىغىنكى، ئاللاھ تائالا كىچىككىنە پاشىنى ھايۋاناتلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان پىلنى ياراتقاندەك يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئىككى قاناتنى قانداق زىيادە قىلغان، شۇ پاشىغا ئاڭلاش، سېزىش ۋە يېيىش ئەزالىرىنى قانداق ئورناتقان، نىشانىنى ئىزدەپ تېپىش، قوغدىنىش ۋە ھەزىم قىلىشتەك قابىلىيەتلەرنى ۋە خاھلىسا ئۇچالايدىغان قانات، خاھلىسا، قاراڭ! ھەسەل شورىيالايدىغان ئۆتكۈر تۇمشۇقىنى قانداق ئاتا قىلغان! ھەسەل ھەرىسىنىڭ يىرگىنچلىك، مەينەت نەرسىلەرگە ئەمەس، پاكىز چېچەكلەرنى ئىستېمال قىلىشىغال ھەرىسىنىڭ گۈل !نەرسىلەردىن ساقلىنىدىغانلىقىغا ۋە چوڭىغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىغا قارىغىن ھەتتا ھەسەل ھەرىسىنىڭ چوڭى مەينەت نەرسىلەرنى يەپ كەلگەن ھەرقانداق ھەسەل ھەرىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ئالتە بۇلۇڭ شەكىللىك كۆنەك تاللىغانلىقىغا قارىغىن. ھەسەل ھەرىسى ھەرگىزمۇ تۆتبۇلۇڭلۇق، يۇمىلاق ياكى بەش بۇلۇڭلۇق كۆنەك بىنا قىلمايدۇ. بەلكى ئۆزىگىلا خاس بولغان ئالتە بۇلۇڭلۇق كۆنەك ياسايدۇ. شەكىللەر ئىچىدە ئەڭ كەڭ ۋە سىغىمى ئەڭ چوڭ بولغىنى يۇمىلاق ياكى ئۇنىڭغا يېقىن شەكىلدۇر. تۆتبۇلۇڭلۇق شەكىلنىڭ بۇلۇڭلىرى بىكار قالىدۇ، ئەگەر ئۇۋىسىنى يۇمىلاق ھالەتتە بىنا قىلسا، ئۇۋىنىڭ سىرتىدا بوش يوچۇقلار قالاتتى. چۈنكى، يۇمىلاق شەكىللەر قاتلاپ بىر يەرگە كەلتۈرۈلسە، جىپسىلاشقان ھالەتتە بىر يەرگە كەلمەيدۇ. شۇڭا، ھېچقانداق، شەكىل يۇمىلاق شەكىلدەك سىغىمچان ئەمەس. ئالتە بۇلۇڭلۇق كۆنەك بولغاندىلا. ھېچقانداق يوچۇق قالماستىن يېقىن كەلتۈرۈلسە جىپسىلىشىپ كېلەلەيدۇ ھەسەل ھەرىسى شۇنچە كىچىك ۋە ئاجىز تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇلارنى قانداق ئىلھام قىلغانلىقىغا قارىغىن! ھاشارەتلەر ھەققىدىكى بۇ ئازغىنە نۇردىن ئىبرەت ئالغىن! بۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە قاراش بىلەن ئاللاھ تائالاغا مەرىپەت ئاشىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش- بولغان ئىلىم. زىيادە بولىدۇ

كىشىلەرنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشتە پەرقلىق بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ بايانى توغرىسىدا

بىلگىنكى، ھەممە كىشى بىردەك ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، ھەركىمنىڭ . بىلىمى بىردەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۆرۈشتىمۇ بىردەك بولمايدۇ- ئىلىم

كۆپىنچە كىشىلەر ئاللاھ تائالانى تونۇشتا ئۆز قۇلاقلىرى بىلەن ئاڭلىغان. ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدىن ئۆزگىنى بىلمەيدۇ

يېتىشكەن ئالىم كىشى ھەقتائالانىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتا ئەقىللەرنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدىكى تەپسىلاتىغا قارايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئالىم قەلبەن ئاللاھ تائالانى تېخىمۇ ئۇلۇغلايدۇ ۋە تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىش ئاجايىباتلىرىنى بىلىشتىن ئىبارەت ئۇشبۇ ئىلىم ئالىمنى .بىپايان بىر ئوكيانغا ئېلىپ بارىدۇ

كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىنىڭ ئاللاھ تائالانى تونۇشتىن ئاجىز كېلىشىنىڭ سەۋەبى

شۇنى بىلگىنكى، بارلىققا كەلتۈرگۈچى كۆرۈنسۇن، كۆرۈنمىسۇن، بارلىققا كەلتۈرۈلگەن نەرسە ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا، بارلىققا كەلتۈرگۈچىنىڭ ئىلمى بارلىقىغا، ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىگە گەرچە بۇلار بەش سەزگۈ ئەزادىن بىرەرسى بىلەن ھېس قىلىنمىغان— . ناھايىتى ئوچۇق دەلىلدۇر— تەقدىردىمۇ

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ مەۋجۇدلۇقى، ئىلمى، قۇدرىتى ۋە باشقا ، دەرەخ، سېغىز تۇپراق- تاش، دەل- سۈپەتلىرىگە بىزلەر كۆرۈپ تۇرغان تاغۇ يۇلتۇز، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز- زېمىن، ئاي- ھايۋانات، ئاسمان- ئۆسۈملۈك قاتارلىق بارچە نەرسىلەر دەلىلدۇر. شۇنداقلا، ھەقتائالانىڭ ئۇشبۇ سۈپەتلىرىگە ھەرىكەت- ئەھۋالىمىز، قەلبىمىز، ئىش- جانىمىز، ھال- بالا نەپسىمىز، تەن ياكى جىم تۇرۇشلىرىمىزدىكى بارلىق باسقۇچلارنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى بىرىنچى .دەلىلدۇر، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق نەرسىلەر ئۆزىنىڭ بىر ياراتقۇچىسى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى، باشقۇرۇپ تۇرغۇچىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى بارلىقىغا گۇۋاھ بولىدىغان تىرىك دەلىلدۇر. مانا ئۇلار ھەقىقەتتە ئاللاھ تائالانىڭ بار ۋە دائىما ھايات ئىكەنلىكىگە، ئىلمى، قۇدرىتى، شەپقىتى، ھېكمىتى، ئۇلۇغلۇقى ۋە ئۆزىنى- كاتتىلىقىغا دەلىلدۇر. چۈنكى، ھەرقانداق زەررە چاغلىق نەرسىمۇ ئۆز پەيدا قىلالمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇنى پەيدا قىلغۇچىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. لېكىن، بىزنىڭ ئەقلىمىز جانابىي ئاللاھ تائالانى تولۇق بىلىشتە بەجايىكى كۈندۈزدىكى شەپەرەڭگە ئوخشاپ قالغان. شەپەرەڭ كۈندۈزدە كۆرەلمەيدۇ، كېچىدە كۆرىدۇ. شەپەرەڭنىڭ كۈندۈزدە كۆرەلمەسلىكى كۈندۈزنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى كۈندۈزنىڭ قاتتىق يورۇق، ئاشكارا ۋە شەپەرەڭنىڭ بولسا كۆزىنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدىندۇر. شۇنىڭغا ئوخشىغان، بىزنىڭ ئەقىللىرىمىز جانابىي ئاللاھ تائالانى تولۇق بىلىشتىن ئاجىزدۇر. ئۆز نۇرىنى يورۇتۇش بىلەن پەردىلىنىپ، شۇ نۇرى بىلەن كۆزلەردىن يوشۇرۇن بولغان . نۇقسانلاردىن پاكتۇر- ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىب

بۇ بولسا چۈشەنچىلەرنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى تونۇشتىن ئاجىز كېلىپ. قېلىشنىڭ سەۋەبىدۇر

بۇنىڭدىن باشقا ئىنسان چۈشەنگەن نەرسىلەرمۇ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە دەلىلدۇر. ئىنسان ئۇنى ئۆزىگە ئەقىل كىرمىگەن گۆدەك ۋاقتىدىلا ھېس قىلىدۇ ئىنسان بىر غەمگە غەرق بولسا، شۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ۋە ئۇ ئىنساندا ئاستا نامايان بولىدۇ ھەمدە ئۇ ئۆزى چۈشەنگەن- چۈشىنىش تەبىئىتى ئاستا نەرسىلەرنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ نەرسىلەرگە ئادەتلىنىدۇ. ئاندىن شۇ ئادەتلەرنىڭ تەسىرى ئۇزۇن مۇددەت ئۆزلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنى ھەيران. قالدۇرماس ھالغا كېلىدۇ.

شۇنىڭدەك ئىنسان ناتونۇش بىر ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكنى ۋەياكى ئاللاھ :تائالانىڭ پەۋقۇلئاددە ئىشلىرىدىن بىر ئاجايىپ ئىشنى كۆرسە، ئەجەبلىنىپ «سۇبھانەللاھ، سۇبھانەللاھ» دەيدۇ. ئىنسان كۈندۈزلىرى دائىما ئۆزىنى، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ۋە نۇرغۇن كۆندۈرۈلگەن ئۆي / مەھەللە ھايۋانلىرىنى كۆرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە كەسكىن دەلىلدۇر. ئىنسان ئۇ نەرسىلەرنى ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈپ كۆنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت. كامالىنىڭ دەلىللىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ

ھوشى جايىدا بالاغەتكە يەتسە، ئاندىن- ئەگەر بىر قارىغۇ كىشى ئەقىل ، دەرەخلەرگە- ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، نەزەرى كۆك ئاسمانغا، قارا زېمىنغا، دەل ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا بىرلا چۈشسە، بۇ ئاجايىباتلارنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيرانۇھەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ قۇدرىتىگە بولغان پولاتتەك. شاھىدلىقى ئالدىدا شۇ كىشىنىڭ ئەقلىنىڭ ئادىشىپ قېلىشىدىن قورقىلىدۇ

بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش شەھۋەتلەرگە باش چۆكۈرۈشتىن ئىبارەت سەۋەبلەر مەرىپەت نۇرى بىلەن يورۇقلۇق تەلەپ قىلىش يولىنى ۋە- كىشىلەرگە ئىلىم . مەرىپەتنىڭ كەڭ كەتكەن دېڭىزىدا ئۈزۈش يولىنى توستى- ئىلىم. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

پەسىل: ئاللاھقا ئىنتىزار بولۇشنىڭ مەنىسى

بۆلۈم: “پەسىل: ئاللاھقا ئىنتىزار بولۇشنىڭ مەنىسى”

ياخشى كۆرۈش، ياخشى كۆرۈشنى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاش ھەققىدىكى بايانلار ۋە ئىنتىزار بولۇشنىڭ ياخشى كۆرۈشنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۆزلەندى. چۈنكى، بىرنەرسىنى ياخشى كۆرگەن كىشى ئۇنىڭغا ئىنتىزار. بولىدۇ

بىر تەرەپتىن بىلىنگەن ۋە يەنە بىر تەرەپتىن بىلىنمىگەن نەرسە قىزىقىشنى .قوزغايدىغانلىقىنى بىلگىن

ئەسلا بىلىنمىگەن نەرسىگە بولسا زىنھار قىزىقىش بولمايدۇ. كۆرگەندىلا مۇكەممەل بىلىش ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ تائالانى كۆرۈش ئاخىرەتتە مۇئمىنلەرگە .مۇمكىن بولىدۇ

شۇنى بىلگىنكى، ئىلاھىي ئىشلارنىڭ چېكى يوقتۇر. ھەر بەندىگە مەلۇم ئىلاھىي ئىشلار بىلدۈرۈلىدۇ. چەكسىز ئىشلار يەنە شۇ پېتى قېلىپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچى بارلىق ئىشلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا مەلۇم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزى ئۇنتۇغان نەرسىلەرنىڭ ئۆزى بىلىدىغان نەرسىلەردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى مەرىپەت ئاساسىغا ئېرىشىشكە ئىشتىياق- بىلىدۇ. شۇ بائىس، بەندە ئىلىم باغلايدۇ. تۇنجى تەشنا بولۇش «ئۇچرىشىش ۋە كۆز بىلەن كۆرۈش» دەپ ئاتىلىدىغان مەنە بىلەن ئاخىرەتتە ئاخىرلىشىدۇ. تەشنا قەلبنىڭ دۇنيادا تەشنالىققا. قېنىشى مۇمكىن ئەمەستۇر

ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالاغا تەشنا بولغۇچىلاردىن بىرى ئىدى. ئۇ بىر كۈنى: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئەگەر سېنى ياخشى كۆرگۈچى بىرەر كىشىگە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ قەلبى تەسكىن تاپىدىغان بىرنەرسە بەرگەن بولساڭ، ئۇنى ماڭىمۇ بەرگىن، بۇ ئىنتىزارلىق مېنى .يەپ تۈگەتتى» دېگەنىكەن

، ئاللاھ ئەززەئۇ ئېيتىدۇ: «مەن چۈشۈمدە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى كۆردۈم :ۋەجەللە ماڭا

ئى ئىبراھىم! مەندىن ھايا قىلمىدىڭمۇ؟ سەن مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا چىقىشتىن— بۇرۇن قەلبىڭ تەسكىن تاپىدىغان نەرسە بېرىشمىنى سورىدىڭ، ئىنتىزار بولغۇچىنىڭ قەلبى ئۆزى ياخشى كۆرگەن زاتنىڭ ۋەسلىگە يېتىشتىن ئالدىن : دېگەنىدى، مەن— تەسكىن تاپامدۇ؟

ئى پەرۋەردىگارىم! مەن سېنىڭ مۇھەببىتىڭدە تۈگەشتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن— .» دېدىم— نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن

بۇ تەشنالىق ئاخىرەتتە بېسىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ تائالاغا مەلۇم ئىشلارغا كەلسەك، ئۇنىڭ چېكى يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئىشلار بەندىگە ئوچۇق بولمايدۇ ۋە بەندە ئۇ ئىشلارنى تولۇق بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئىنسان ئۆزىگە ئاشكارا. ئالىملار بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى چۈشىدە كۆرۈشى مۇمكىن ئىش ئىكەنلىكىدە بىردەك قاراشتا

لېكىن، بەندە قانداقلا بىر سۈرەت كۆرسۇن، ئاللاھ تائالا چوقۇم ئۇ سۈرەتتىن باشقىچە سۈرەتتە بولىدۇ. چۈنكى، ھېچ شەيئى ئاللاھ تائالاغا ئوخشاش ئەمەستۇر، بولغان لەززەت بىلەن مەشغۇلدۇر[7]. زىيادە نېئمەت ۋە لەززەت ئىنساننى ئۇنىڭ. كەينىدىكى نەرسىلەرگە تەشنالىق ھېس قىلىشتىن مەشغۇل قىلىدۇ بۇ قەدەر نۇرلار تەشنالىق ھەقىقەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرىنى ئېچىپ تاشلايدۇ.

،تەشنا بولۇشنىڭ ھەدىسلەردىكى دەلىللىرىدىن، رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىگە دۇئا ئۆگەتتى ۋە ئۇنىڭغا. مەزكۇر دۇئانى ھەر كۈنى ئائىلىسى بىلەن بىرگە داۋاملىق ئوقۇشقا بۇيرۇدى رەسۇلۇللاھ ئۇ دۇئادا: «ئى ئاللاھ! سەندىن قازاغا رىزا بەندىچىلىك، ئۆلۈمدىن كېيىن راھەتلىك، جامالىڭغا قاراش لەززىتى ۋە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا تەشنا بولۇشنى .»سورايمەن

ئاللاھ تائالا: «تەۋراتتا كېلىشىچە : ‹ياخشىلار ئۇزۇندىن بېرى مەن بىلەن ›ئۇچرىشىشقا تەشنا بولدى، مەن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشقا تېخىمۇ تەشنامەن دەيدۇ». ئاللاھ تائالا بىر بەندىگە: «مېنىڭ بەندىلىرىم ئىچىدە شۇنداق بەندىلىرىم باركى، ئۇلار مېنى ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇلار ماڭا تەشنا بولىدۇ، مەنمۇ ئۇلارغا تەشنا بولىمەن. ئۇلار مېنى ياد ئېتىدۇ، مەنمۇ ئۇلارنى ياد ئېتىمەن. ئەگەر سەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ماڭساڭ، مەن سېنى دوست تۇتىمەن. ئەگەر ئۇلاردىن يۈز ئۆرىسەڭ، سېنى يامان كۆرىمەن» دەپ ۋەھيى :قىلدى. ئۇ بەندە

دەپ سورىغانىدى، ئاللاھ— ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلارنىڭ ئالامىتى نېمە؟— :تائالا

ئۇلار كۆيۈمچان پادىچى قويلىرىغا رىئايە قىلغاندەك، كۈندۈزدە سايىغا— (ناماز ۋاقتىغا) رىئايە قىلىدۇ. قۇشلار قۇياش پاتقاندا ئۇۋىلىرىنى سېغىنغاندەك، ئۇلار قۇياش پېتىشىنى كۈتىدۇ. كېچە كىرىپ، قاراڭغۇلۇق ئەتراپنى قاپلاپ، كۆرپىلەر يېيىلىپ، ھەركىم ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىسى بىلەن يالغۇز قالغاندا ئۇلار قەدلىرىنى رۇسلايدۇ، يۈزلىرىنى سەجدىگە قويىدۇ، مېنىڭ سۆزۈم بىلەن ماڭا پىچىرلايدۇ ۋە ئىنئامىمغا تەلپۈنۈپ ماڭا يېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى نىدا

،»). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب1900( )؛ ھاكىم21710( ئەھمەد

ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى تەسەللى تېپىشقا ئۇرۇنۇپ ئۆزىنى باسىدۇ، بەزىسى يىغلايدۇ[8]. بەزىسى ئاھ ئۇرىدۇ ۋە بەزىسى شىكايەت قىلىدۇ بەزىسى قىيامدا تۇرسا، بەزىسى ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مېنى دەپ سەبر قىلغانلىقلىرىنى مەن كۆرۈپ تۇرىمەن، مېنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ماڭا دېگەن دېدى — سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.

پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەنىسى ۋە بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەنىسى ۋە بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا”

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرۈشى قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەر بىلەن. قۇۋۋەتلەنگەندۇر

ئاللاھ تائالا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ» «2بەقەرە-222» دېگەن. ئاللاھ تائالا يەنە: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى (يەنى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چاغدا . دېگەن «61ساف-4» مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ غازات قىلغانلارنى) دوست تۇتىدۇ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىنى ئازابلىمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «بىز ئاللاھ تائالانىڭ دوستلىرى» دەپ دەۋا :قىلغانلارغا بۇ سۆزى بىلەن رەددىيە بەردى

«يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز (يەنى ئاتا بالىدەك يېقىنمىز) ۋە دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. ئېيتقىنكى، «(ئۇنداق بولسا) ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟» ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ياراتقان ئىنسانسىلەر. ئاللاھ خاھلىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ؛ خاھلىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئەڭ ئاخىر بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ «5مائىدە-18» دەرگاھىدۇر

ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ياخشى كۆرگۈچىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت. قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر، ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ ،(ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر». بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى نامەلۇم.

«3ئال ئىمران-31» ناھايىتى مېھرىباندۇر، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‹بەندەم ماڭا نەپلە ئىبادەت بىلەنمۇ مەن ئۇنى دوست تۇتقانغا قەدەر داۋاملىق يېقىنلىشىدۇ. قاچانكى مەن ئۇنى دوست تۇتسام، مەن ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن. مەندىن نېمىنى سورىسا، شۇنى بېرىمەن. ماڭا سىغىنسا، ئۆز پاناھىمدا ساقلايمەن. مەن مۇئمىننىڭ جېنىنى ئېلىشتىن باشقا ھېچبىر ئىشتا تەرەددۇت قىلمايمەن. مۇئمىن بەندەم ئۆلۈمنى ياخشى كۆرمەيدۇ، مەن بولسام، ئۇنىڭ .. بۇ مەشھۇر ھەدىستۇر»›خاپىلىقلىرىنى ياخشى كۆرمەيمەن

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرۈش ئالامىتى بار بولۇپ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى ياخشى .كۆرسە، ئۇنى مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ» دېگەن

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بەندىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپ ئەڭ گۈزەل شەكىلدە تەربىيەلىشى، ئۇنىڭ قەلبىگە ئىماننى پۈتۈشى، ئەقلىنى نۇرلاندۇرۇپ بېرىشى بولۇپ، بەندە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارغا. ئەگىشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن نېرى تۇرىدۇ ئاندىن ئاللاھ ئۇ بەندىنى مەخلۇقاتلارغا خار قىلماي، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى سىرتىنى دۇرۇست قىلىشى، پەقەت بىرال- ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشى، ئۇنىڭ ئىچ نەرسىنىڭ غېمىنى يەيدىغان قىلىشىدۇر. سۆيگۈ ئاشقانسېرى ئاللاھ تائالا ئۇنى .باشقىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۆزى بىلەنلا مەشغۇل قىلىدۇ

بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشىگە كەلسەك، بىلگىنىڭدەك، ھەممە ،ئادەم ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. دەۋا قىلىش نېمىدېگەن ئاسان ھە! شۇڭا، ئىنسان شەيتاننىڭ- ھەقىقىي مەنادا ياخشى كۆرۈش نېمىدېگەن تەس ئازدۇرۇشلىرىغا، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان نەپسىگە ،ئۇنى سىنىماي، ئىسپات تەلەپ قىلماي تۇرۇپ ئالدانماسلىقى كېرەك. مەسىلەن جەننەتتە ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىشىنى ياخشى كۆرۈش بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، قەلب بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئۇنى كۆرۈشنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ ،ئەمما، بۇ ياخشى كۆرۈش ئۆلۈمنى يامان كۆرۈشكە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى .مۇئمىن ئۆلۈمنى يامان كۆرىدۇ. ئاللاھقا ئۇچرىشىش ئۆلگەندىن كېيىن بولىدۇ.

سەلەف سالىھلەردىن بەزىلەر ئۆلۈمنى ياخشى كۆرەتتى ۋە بەزىلەر دېگەندەك ياخشى كۆرەلمىگەنلىكىدىن ياكى قەلبىگە دۇنيا مۇھەببتىمۇ ئارىلاشقانلىقىدىن ۋەياكى ئۆز گۇناھلىرىنى كۆپ كۆرۈپ، تەۋبە قىلىۋېلىشنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن. ئۆلۈمنى يامان كۆرەتتى

بەزى سەلەف سالىھلەر ئۆزىنى ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ دەسلەپتىكى باسقۇچىدا دەپ قاراپ، ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىۋېلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ قېلىشىنى خاھلىمايتتى. بۇنداق كىشى بەئەينى مەشۇقىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بىر ئاشىققا ئوخشايدۇ. ئاشىق مەشۇقى بىلەن ماكانىنى، لازىمەتلىكلەرنى تەييارلىۋېلىش ۋە قەلبىنى- دىدارلىشىشتىن بۇرۇن ئۆي تۈرلۈك مەشغۇلاتلاردىن پارىغ، يۈكى يەڭگىل، ئۆزى ياقتۇرغان تەرىقىدە .ئۇچرىشىش ئۈچۈن مەشۇقىنىڭ كېچىكىپ كېلىشىنى ئىستەيدۇ

دېمەك، بۇ ۋەجدىن ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش مۇكەممەل ياخشى كۆرۈشكە زىت كەلمەيدۇ. بۇنداق ھالەتتە تۇرۇپ ئۆلۈمنى يامان كۆرگۈچى كىشىنىڭ ئالامىتى داۋاملىق ياخشى ئەمەل قىلىش ۋە ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشقا پۈتۈن كۈچىنى .چىقىرىشتۇر

يەنە بەندىنىڭ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئەمەللەرنى ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىشتىن يىراق- ياخشى كۆرۈشى، شۇ ئارقىلىق ھاۋايى تۇرۇشى، ھۇرۇنلۇقتىن يۈز ئۆرۈشى ۋە ھەمىشە نەپلە ئەمەللەرنى قىلىپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشقا داۋاملىشىشى بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش. ئالامەتلىرىدىندۇر، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەن كىشى ئاللاھ تائالا ئاسىيلىق قىلمايدۇ. لېكىن ئاسىيلىق قىلىش ياخشى كۆرۈشكە زىت ئەمەستۇر. ئاسيىلىق پەقەت ياخشى كۆرۈشنىڭ مۇكەممەللىكىگە قارشى كېلىدۇ. نۇرغۇن ئىنسانلار ساغلام تۇرۇشنى ، يۇ، زىيان قىلىدىغان نەرسىلەرنى يەيدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى- ياخشى كۆرىدۇ بەزىدە ئىلىم ئاجىزلايدۇ ۋە شەھۋەت غالىب كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسان ھەقىقىي ياخشى كۆرۈشنى بەرپا قىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. بۇنىڭغا نۇئەيمان رىۋايەت قىلغان ھەدىس دەلىلدۇر. نۇئەيمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىنەتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ

ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بەلگىلەنگەن بويىچە تاياق بىلەن جازالايتتى، ئۇ بىر، كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلىۋىدى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بەلگىلەنگەن بويىچە تاياق بىلەن :جازالىدى. شۇندا نۇئەيمانغا بىر ئادەم لەنەت قىلدى ۋە

— بۇ نېمانچە كۆپ ئۇرۇلىدىغاندۇ! — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنىڭغا لەنەت قىلمىغىن، چۈنكى ئۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرىدۇ — دېدى.

دېمەك، نۇئەيمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قىلغان گۇناھى ئاللاھ تائالانى ۋە ،ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرۈش دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتمىدى. شەكسىزكى مەئسىيەت ئىنساننى پەقەت مۇكەممەل ياخشى كۆرۈش دائىرىسىدىن- گۇناھ. چىقىرىۋىتىدۇ

يەنە ئاللاھ تائالانى داۋاملىق زىكىر قىلىش، زىكىردىن ھېرىپ قالماسلىق ۋە زىكىردىن قەلبى خالىي قالماسلىقمۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، بىرنەرسىنى ياخشى كۆرگۈچى ئۇ نەرسىنى ۋە .ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى كۆپ تىلغا ئالىدۇ

دېمەك، ئاللاھ تائالانى داۋاملىق تىلغا ئېلىشنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئاننى ياخشى كۆرۈش ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈش قاتارلىقلارمۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى .كۆرگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر

ئاللاھ تائالا ئېيتۇر: «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى مېھرىباندۇر» «3ئال ئىمران-31» )دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھمۇ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى. سەلەف سالىھلەردىن بىرى ئېيتۇر: مەن مۇناجات قىلغاندا ھالاۋەت ھېس قىلاتتىم، داۋاملىق قۇرئان ئوقۇيتتىم، كېيىن ماڭا ھاردۇق يېتىپ قۇرئان :ئوقۇشتىن ئۈزۈلۈپ قالدىم ۋە بىرسىنىڭ مۇنداق دەۋەتقانلىقىنى چۈشۈمدە كۆردۈم: «دەۋا قىلساڭ مېنى ياخشى كۆرۈشنى، .نېمىشقا تاشلاپ قويىسەن كىتابىمنى ،ئويلانساڭ بولمامدۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى . ئەيىبلەشلىرىمنى- لاتاپەتلىك كايىش، يەنە بەندىنىڭ خىلۋەتتە ماكان تۇتۇشى، ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىشى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىشى، تەھەججۇد نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇشى، توسالغۇلاردىن ئۆزىنى تارتىش بىلەن كېچىنىڭ تىنچلىقى ۋە كۈندۈزنىڭ ساپلىقىنى غەنىيمەت. بىلىشىمۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر چۈنكى، ياخشى كۆرۈش دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋىنى مەشۇقى بىلەن خىلۋەتتە .قېلىش ئارقىلىق لەززەتلىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ھۇزۇرلىنىشتۇر

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئابىد قۇيۇق بىر ئورمانلىقتا بىر مۇددەت ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلدى. ئاندىن بىر دەرەخكە ئۇۋا سېلىپ، سايراۋاتقان بىر قۇشقا قاراپ، كۆڭلىدە: «ئەگەر مەسجىدىمنى شۇ دەرەخكە يۆتكىسەم، بۇ قۇشنىڭ. ئاۋازىدىن ھۇزۇر ئالغۇدەكمەن» دېگەننى خىيال قىلىپ، ئويلىغىنىدەك قىلدى ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرىگە مۇنداق ۋەھيى قىلدى: «پالانى ئابىدقا ئاللاھ تائالا ساڭا مۇنداق دەيدۇ دەپ قويغىن: ‹سەن مەخلۇق بىلەن ھۇزۇر ئالدىڭ، سېنى ھېچقانداق ئەمىلىڭ بىلەن يېتەلمەيدىغان دەرىجىدە ماقامىڭدىن.»›چۈشۈرۈۋېتىمەن

بۇنداق بولغان ئىكەن، ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتى: ياخشى كۆرۈلگۈچى بىلەن مۇناجاتلىشىپ مۇكەممەل بەھر ئېلىش، خىلۋەتتە قېلىش بىلەن مۇكەممەل ھۇزۇرلىنىش ۋە خىلۋەتنى بۇزىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن مۇكەممەل خالىي. بولۇشتۇر

ياخشى كۆرۈش ۋە بەھر ئېلىش غالىب كەلگەندە، خىلۋەتتە قېلىش ۋە مۇناجات . قايغۇلارنى دەفئ قىلىدىغان كۆزنىڭ خۇرسەنلىكىگە ئايلىنىدۇ- قىلىش بارلىق غەم بەلكى ياخشى كۆرۈش ۋە بەھر ئېلىش قەلبنى غەرق قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ كىشى ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان ئاشىققا ئوخشاش دۇنيا ئىشلىرىنى بىرنەچچە قېتىم. ئاڭلىمىسا چۈشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ

ئىبادەتنى- يەنە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىش، تائەت ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق چارچاپ كېتىپ- ئېغىر سانىماسلىق ۋە تائەت. ھۇزۇرلىنىشمۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر

سابىت ئەلبۇنانىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «يىگىرمە يىل نامازنىڭ قاتتىقچىلىقىنى تارتىپ ناماز ئوقۇدۇم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئوقۇش بىلەن يىگىرمە يىل.»ھۇزۇرلاندىم

جۇنەيد رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «ئىبادەتكە داۋاملىق تېتىك تۇرۇش، بەدىنىنى چارچىتىدىغان، ئەمما قەلبىنى چارچاتمايدىغان بىر قىزىقىش بىلەن ئىبادەت.»قىلىشقا داۋاملىشىش ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئالامىتىدۇر. كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممسىدە بۇنىڭ مىسالى بار

چۈنكى، ياخشى كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تىرىشىشنى ئېغىر ھېسابلىمايدۇ. ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى، ئەگەر ئۇ خىزمەت بەدەنگە ئېغىر كەلسىمۇ، قەلبىدە لەززەت ھېسابلايدۇ. ھەرقانداق ياخشى كۆرۈش شۈبھىسىز ئىنساننى بويسۇندۇرغۇچىدۇر. قانداق كىشىگە ياخشى كۆرگەن كىشىسى ھۇرۇنلۇقتىن سۆيۈملۈكراق بولسا، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشتا ھۇرۇنلۇقنى تەرك ئېتىدۇ. ياخشى كۆرگەن كىشىسى ئۇنىڭغا مالدىن سۆيۈملۈكراق بولسا، ئۇنى .ياخشى كۆرگەنلىكتىن مالنى تەرك ئېتىدۇ

،يەنە ئاللاھنىڭ بارلىق بەندىلىرىگە شەپقەت قىلىش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش ئاللاھ: «مۇئمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقماسلىق، ئاللاھ ئۈچۈن غەزەپلىنىشتىن ئۇنى ھېچنەرسىنىڭ توسىيالماسلىقىمۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش. ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر» «48فەتھ-29» نىڭ دۈشمەنلىرىگە بولسا ئاللاھ تائالا دېگىنىدەك، كۇففارلارغا قاتتىق بولۇش، ئاللاھ يولىدا. بۇلار بولسا بەندىنىڭ ئاللاھنى سۆيۈش ئالامەتلىرىدۇر. قانداق كىشىدە بۇ ئالامەتلەر جەملەنگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاللاھنى سۆيۈشى مۇكەممەللىككە يېقىن بولىدۇ ۋە ئاخىرەتتە ئىچىملىكى ساپ بولۇشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. قايسىىبىر كىشىنىڭ سۆيگۈسىگە ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىنى سۆيۈش ئارىلىشىپ قالسا، ئاخىرەتتە ئۆزىنىڭ سۆيگۈسى ھېسابىچە ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىملىكىگە ئاللاھ تائالاغا يېقىن بەندىلەرنىڭ ئىچىملىكىدىن ئازراق ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق «ياخشىلار نېئمەت ئىچىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ. ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە :دەيدۇ تۇرۇپ (ئاللاھنىڭ جەننەتتە ئۇلارغا بەرگەن تۈرلۈك نېئمەتلىرىگە) قارايدۇ. ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، نېئمەتنىڭ (ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن چىقىپ تۇرغان) ئەسىرىنى تونۇيسەن. ئۇلارغا ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب سۇنۇلىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى يۇتۇمىدىمۇ ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن! ئۇنىڭغا (يەنى ساپ شارابقا) تەسنىمنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان. تەسنىم جەننەتتىكى بىر

«83مۇتەففىفىين-22-28» بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ دېمەك، بۇ ئايەتلەردە ساپ سۆيگۈ ساپ شارابقا، ئارىلاشما سۆيگۈ ئارىلاشما. شارابقا ئۇدۇللاشتۇرۇلغان

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ». مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى «99زەلزەلە-7-8» تارتىدۇ

بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە بىرى، ئاللاھ، تائالانى ياخشى كۆرۈشتە قورقۇش ۋە ئۇلۇغلاش ئارىسىدا بولۇشتۇر. چۈنكى قورقۇش ياخشى كۆرۈشكە قارشى كەلمەيدۇ. ياخشى كۆرگۈچى خاس كىشىلەر ياخشى كۆرۈشتە باشقىلاردا بولمىغان قورقۇش ئىچىدە بولىدۇ. قورقۇشلارنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن قاتتىق بولىدۇ. قورقۇشلارنىڭ بىرىنچىسى ئاللاھ تائالادىن يۈز ئۆرۈشتىن قورقۇش، بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق قورقۇش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ۋىسالىدىن مەھرۇم قېلىشتىن قورقۇش، بۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراقى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن. يىراق قىلىنىشتىن قورقۇشتۇر

بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە سۆيۈلگەن زاتنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن سۆيگۈنى يوشۇرۇپ قۇرۇق دەۋادىن يىراق تۇرۇش، سۆيگۈ ۋە سۆيگۈدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشنى ئىزھار قىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار بار. چۈنكى، سۆيگۈ سۆيگۈچىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىدىندۇر. گاھىدا سۆيگۈچى بىھوشلىنىپ مەستلىكتەك، ھالەتتە بولۇپ قالغىنىدا ئۇنىڭ سۆيگۈسى مەقسەتسىز ھالدا ئاشكارىلىنىپ قالسا. ئۇ ئەيىبكە بۇيرۇلمايدۇ

شۇنىڭدەك بىر شائىر ئېيتۇر:

،قانداق بولار ھالى قەلبى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن بولسا كىشىنىڭ. سىرى كۆزىدە ئاشكارا بولغان كىشى قانداق يوشۇرار سىرىنى ئۆزىنىڭ

ئۈلپەت ۋە ئاللاھنىڭ قازاسىغا رازى بولۇش توغرىسىدا#### پەسىل: ئاللاھ بىلەن ئۇنس-ئۈلپەت ۋە ئاللاھنىڭ قازاسىغا رازى بولۇش توغرىسىدا

  • شۇنى بىلگىنكى، بىر كىشى ئۈلپەتلەشمەكچى بولسا، ئۇ خىلۋەتتە يەككە يېگانە قېلىش بىلەنلا ھۇزۇر تاپىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىلەن ئۈلپەتچىلىك ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىدىن خالىي بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەن

ئۈلپەتلەشكەندە، قەلبكە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نەرسە ئاللاھ تائالا بىلەن خىلۋەتتە .قېلىشتىن توسۇلۇشتۇر

ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيد رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر:

:«مەن بىر ئابىدقا

— سېنى خىلۋەتتە قېلىش ھۇزۇرلاندۇرۇپتۇ، — دېگەنىدىم، ئابىد:

— خىلۋەتتە قېلىش ھالاۋېتىنى تېتىساڭ، ئۆزۈڭچە خىلۋەتكە ھېرىس بولىسەن — دېدى.

بەندە قاچان ئاللاھ تائالا بىلەن ئۈلپەتلىشىش ھالاۋىتىنى تېتىيدۇ؟—

. دوستلۇق ساپ بولسا، مۇئامىلە قىلىش خالىس بولىدۇ—

دوستلۇق قاچان ساپ بولىدۇ؟—

پۈتۈن غەملەر يىغىلىپ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت پەقەت— .»بىر غەمگە ئايلانغاندا ساپ بولىدۇ

،ئەگەر «ئاللاھ تائالا بىلەن ئۈلپەتلىشىشنىڭ ئالامىتى نېمە؟» دەپ سورالسا، جاۋاب: «ئۇنىڭ خاس ئالامىتى: كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشىتىن كۆڭلى سىقىلىش كىشىلەردىن زېرىكىش، كىشىلەرگە ئارىلاشقاندا يالغۇزسىراش، گەرچە بەدىنى بىلەن ئارىلاشقان بولسىمۇ، قەلبى بىلەن يالغۇز قالغان كىشىگە ئوخشاش.»بولۇشتۇر

ئۈلپەتلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەمىلىگە تايىنىۋېلىش ۋە خۇرسەنلىكنىڭ مەنىسى

بىلگىنكى، ئۈلپەتچىلىك كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم داۋاملاشسا، بەزىدە ئەمىلىگە تايىنىۋېلىش ۋە ئەركىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا گەرچە ئۈلپەتلەشكەن يار كۆز يۇمالىسىمۇ، ئۇنىڭدا تەنتەكلىك ۋە بىھۆرمەتلىك بولغانلىقى- دوست. ئۈچۈن خۇش كۆرۈلمەيدۇ

ئەگەر كىشى ئاڭسىز ھالدا بۇنى سادىر قىلغان بولسا، ئۇنداق كىشى كۇفۇرلىققا. يېقىنلىشىپ قالىدۇ

ئەلقىسسە، ئەبۇ ھەفسە بىر كۈنى يولدا كېتىۋېتىپ، تېڭىرقاپ قالغان بىر :كىشىگە يولۇقتى. ئەبۇ ھەفسە ئۇنىڭغا

— ساڭا نېمە بولدى؟ — دېگەنىدى، ئۇ:

— ئېشىكىم يوقاپ كەتتى، مېنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا نەرسەم يوق ئىدى— :دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھەفسە توختاپ

ئى ئاللاھ! سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ئۇنىڭ ئېشىكىنى قايتۇرۇپ— دېدى. ئاندىن شۇ ھامان ئۇنىڭ— بەرمىسەڭ، مەن بىر قەدەممۇ ئالمايمەن. ئېشىكى پەيدا بولدى

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بەرخ ئىسىملىك ئابىد سۇ تىلەپ چىقىپ، مۇنداق دۇئا، قىلىدۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! سەن بېخىللىق بىلەن تۆھمەت قىلىنمايسەن.»ۋەدەڭگە ۋاپا قىلغىن، بىزنى بۇ سائەتتە يامغۇر بىلەن سۇغارغىن

بىر كىشى ئېيتسا ئەپۇ قىلىنىدىغان سۆزلەرنى يەنە بىر كىشى ئېيتقاندا، ئەپۇ .قىلىنماسلىقى مۇمكىن

قازايىقەدەرگە رازى بولۇشنىڭ مەنىسى، ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا

قازايىقەدەرگە رازى بولۇش مۇقەررەب (ئاللاھقا يېقىن قىلىنغان) كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئالىي ماقامى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولۇش ياخشى كۆرۈشنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىتى مەخپىيدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنگەن. كىشىگىلا قازايىقەدەر ھەققىدىكى ئىش ئايدىڭلىشىدۇ

قازايىقەدەرگە رازى بولۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ، سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ بىر بەندىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا. ئۇنىڭغا تەقسىم قىلغان نەرسە بىلەن ئۇنى مەمنۇن قىلىدۇ» دېگەن

ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق ۋەھيى قىلغان: «ئى داۋۇد! سەن مەن ئەۋەتكەن قازاغا رازى بولۇشتىنمۇ بەكرەك مېنى رازى قىلىدىغان ۋە گۇناھىڭنى .»تۆكۈۋېتىدىغان بىر ئەمەل بىلەن ماڭا مۇلاقەت بولالمايسەن

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ :ئەنھۇنى كۆڭلى يېرىم ھالەتتە كۆرۈپ، ئۇنىڭغا

قايغۇغا پېتىپ قالغاندەك- ئى ئەدىي! قارىسام كۆڭلۈڭ يېرىم، غەم—

— ئى ئەدىي! قارىسام كۆڭلۈڭ يېرىم، غەم-قايغۇغا پېتىپ قالغاندەك كۆرۈنىسەنغۇ؟ — دېگەنىدى، ئەدىي: — مېنىڭ كۆڭلۈم نېمىشقا يېرىم بولمىغۇدەك؟ ئىككى ئوغلۇم ئۆلتۈرۈلدى، كۆزۈم قۇيۇۋېتىلدى — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلى:

ئى ئەدىي! كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ— قازاسى ئۇنىڭغا داۋام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولمىسا، ئاللاھ تائالانىڭ قازاسى ئۇنىڭغا داۋام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ دېدى — ئەمىلى بىكار بولۇپ كېتىدۇ

،ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلۈم ئالدىدىكى بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كىردى :ئۇ ئادەم ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىۋاتاتتى. ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا «توغرا قىلدىڭ. ئاللاھ تائالا بىر قازانى ھۆكۈم قىلسا، ئۇنىڭغا رازى بولۇشنى .ياخشى كۆرىدۇ» دېدى

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ئىلمى خۇراملىقنى قازايىقەدەرنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولۇشتا، غەم- بىلەن، خۇشال . قايغۇنى قازايىقەدەرگە شەك قىلىش ۋە ئاچچىقلىنىشتا قىلدى» دېگەن-

«ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى :ئەلقەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ دېگەن سۆزى ھەققىدە: «بۇ ‹بىر ئادەمگە ‹64تەغابۇن-11› (سەبرگە) يېتەكلەيدۇ مۇسىبەت يەتسە، ئۇ مۇسىبەتنىڭ ئاللاھ تائالادىن بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ›تەسلىم بولۇپ، رازى بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەلبىنى (سەبرگە) يېتەكلەيدۇ دېگەنلىكتۇر» دېگەن.

«بىز ئۇنى ئەلبەتتە :ئەبۇ مۇئاۋىيە ئەلئەسۋەد رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ دېگەن ئايىتىنىڭ مەنىسى: «قانائەتچانلىق ۋە ‹16نەھل-97› ئوبدان ياشىتىمىز. قازاغا رىزا دېمەكتۇر» دېگەن

ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيد رەھىمەھۇللاھ: «قازاغا رىزا بولۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىشىكىدۇر، دۇنيانىڭ جەننىتىدۇر ۋە ئابىدلارنىڭ ئارامگاھىدۇر» دېگەن.

بىر زات: «ئاخىرەتتە ھەرقانداق ھالەتتە قازايىقەدەرگە رازى بولغۇچىلارنىڭ دەرىجىسىدىن يۇقىرى دەرىجە بولمايدۇ. كىمگەكى قازايىقەدەرگە رازى بولۇش. سوۋغا قىلىنسا، ئەڭ ئەۋزەل دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ» دېگەن، بىر ئەئرابىي تاڭ ئاتقۇزغاندا ئۇنىڭ نۇرغۇن تۆگىلىرى ئۆلۈپ قالغان ئىدى :بۇنى كۆرگەن ئەئرابىي دېدىكى

،ياق! قەسەمكى، مەن ئاللاھنىڭ قۇلى بىر بەندە .مۇسىبەتكە دۈشمەنلەر خۇشاللىقى بولمىسا مەندە ،تۆگىلىرىم ئېغىلدا بولسا قىلماس ئىدى مېنى خۇشال. ئاللاھنىڭ قازاسى كەلمىسە قىلاتتى شۇ مېنى ئوسال

پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولۇشنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ نەپس-خاھىشقا قارشى كېلىشىنىڭ تەسەۋۋۇرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولۇشنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ نەپس-خاھىشقا قارشى كېلىشىنىڭ تەسەۋۋۇرى توغرىسىدا”

خاھىشقا قارشى ئىشلاردىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولۇش- نەپس. مۇمكىندۇر

يەنى ئىنسان ئۆزىگە يەتكەن بەزى كېسەللەرنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئاغرىق تارتىدۇ. ئىنسان تەبىئەتەن ئاغرىقنى يامان كۆرسىمۇ، لېكىن ئاغرىق سەۋەبلىك ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، دىلىدا ئاغرىققا رازى بولىدۇ ۋە ھەتتا ئاغرىقنىڭ. زىيادە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ

مىسال: بىر كىشى قان ئالغۇچىدىن بەدىنىگە لوڭقا قويۇپ قان ئېلىپ. قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ كىشى بۇنداق داۋالىنىشنىڭ ئاغرىقىنى ھېس قىلىدۇ شۇنداق تۇرۇپ، ئۇ كىشى لوڭقا قويۇپ داۋالىنىشنى خاھلايدۇ ۋە لوڭقىنىڭ. ئاغرىقى ھەمدە داۋالىغۇچىنىڭ جەبرىگە سەبر قىلىدۇ

شۇنىڭدەك بىرەر پايدىنى كۆزلەپ سەپەر قىلغۇچى سەپەردە مۇئەييەن قىيىنچىلىق تارتىدۇ. لېكىن، ئۇ كىشى سەپەر مۇشەققىتىدىن كېيىنكى نەپ

بۇ زاھىدلاردىن ھالاۋىتىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ھەرقانچە قىيىنچىلىقمۇ ھېچنېمە .تۇيۇلمايدۇ. ئېرىشىلگۈسى پايدا ئۇنى قىينچىلىققا رازى بولىدىغان قىلىپ قويىدۇ

قازا يەتسە، ئۇ كىشى سەبر- ھەرقانداق كىشىگە ئاللاھ تائالا تەرەپتىن بالا قىلسا جەزمەن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنسە، ئۇنداق كىشى قولىدىن كەتكەن نەرسىدىن بەكرەك يۇقىرى ئەجىرگە ئېرىشىشنى كۈتىدۇ، شۇ ئارقىلىق قازا ئۈچۈن- قازاغا رازى بولىدۇ ۋە يەتكەن ئۇشبۇ بالا- ئۆزىگە يەتكەن بالا ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ. گاھىدا سۆيگۈ غالىب كېلىپ، سۆيگۈچىنىڭ دىققىتى ،دە- ساۋاب كۆزلەشتىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادە قىلغىنىغىلا مەركەزلىشىپ قالىدۇ سۆيگۈنىنىڭ زىيادىلىكىدىن ئەلەم ھېس قىلمايدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنى .ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك بولىدۇ

قاتتىق ياخشى كۆرگەندە، مالامەت تۇيغۇسى يوقىلىدۇ. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى، ئاچچىق كەلگەندە ياكى قورققاندا ئۇرۇش قىلغان ئادەم جاراھەتلەنسىمۇ ھېس قىلمايدۇ. يارىلانغىنىنى سەزمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشىنىڭ قەلبى شۇ ئۇرۇشقا غەرق بولغاندۇر. قەلب بىر ئىشقا غەرق بولسا، ئۇنىڭدىن. باشقىنى ھېس قىلمايدۇ. بۇ كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈلگەن ئىشلاردۇر

قازا ئاغرىقىنى- جۇنەيد رەھىمەھۇللاھ: «مەن سەررىيدىن: ‹ئاللاھ ئاشىقى بالا. ھېس قىلامدۇ؟› دەپ سورىغانىدىم، ئۇ: ‹ياق› دەپ جاۋاب بەردى» دېگەن

قازا يەتكەن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بىزگە رىۋايەت- بالا بىرلەپ كېسىلگەن تەقدىردىمۇ بىزنىڭ ئاللاھ- قىلىنىدۇ: «ئەزالىرىمىز بىر تائالاغا بولغان مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ زىيادە بولغان بولاتتى». مۇھەببەتنىڭ ئەلەمنى ھېس قىلدۇرمايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ- كۈچىيىشى دەرد. ياخشى كۆرۈشىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۆزلەندى

بىر كىشى ھېكايە قىلىپ ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ بىر قوشنىمىزنىڭ ياش بىر دېدىكى بار ئىدى. ئۇ ئادەم دېدىكىگە بەك ئامراق ئىدى. بۇ دېدەك قىز ئاغرىپ قاپتۇ. ئۇ كىشى دېدىكىگە بۇغداي ئۇمىچى پىشۇرماقچى بولۇپ، قازاندىكى . چۆرۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز دېدەك قىز ‹ئاھ!› دەپ نلاە قىپتۇ- نەرسىلەرنى ئۆرۈپ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم چۆچۈپ كېتىپ، قولىدىن چۆمۈچ يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ . چۆرۈشكە باشلاپتۇ- ئاندىن ئۇ كىشى قازاندىكى نەرسىلەرنى قولى بىلەن ئۆرۈپ ھەتتا ئۇنىڭ بارماقلىرى پىشىپ چۈشۈپ قاپتۇ. لېكىن، ئۇ ئادەم بۇنى سەزمەي.»قاپتۇ

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋالنى ئاياللارنىڭ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن

چاغدا قوللىرىنى كېسىۋېلىپمۇ ئاغرىقنى ھېس قىلمىغانلىق قىسسەسى تېخىمۇ .كۈچلەندۈرۈپ بېرىدۇ

خاھىشقا قارشى ئىشلاردىمۇ رازى- بىز تىلغا ئالغان بايانلاردىن نەپس بولۇشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقى ئېنىق ئاشكارا بولىدۇ. بۇ خىل ياخشى كۆرۈش ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ نېسىۋىلىرى بارىدا مۇمكىن بولغان يەردە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بارىدىمۇ مۇمكىندۇر. ئاخىرەت نېسىۋىلىرىدە تېخىمۇ مۇمكىندۇر. بۇنىڭ :مۇمكىن بولۇشىنىڭ ئۈچ يولى باردۇر

بىرىنچى يول: مۇئمىننىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئاللاھ تائالانىڭ. ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىشى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا مۇئمىنگە بىرنەرسە .ئىرادە قىلغان بولسىلا، چوقۇم ئۇنىڭدا مۇئمىنگە ياخشىلىق باردۇر» دېگەن :مەكھۇل رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ‹ھەقىقەتەن، بىر بەندە ئاللاھ تائالاغا ئىستىخارە سالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ، تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن تاللاپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئۇ ئادەم ئاچچىقلىنىدۇ. لېكىن ›دەرھال ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە قارىسا، ئۆزىگە بىر ياخشىلىقنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ .»دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، مەسرۇق رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «سەھرادا بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئىتى ئېشىكى ۋە بىر خورىزى بار ئىدى. خوزار ئۇنى نامازغا ئويغىتاتتى، ئېشەك ئۇنىڭ سۈيىنى توشۇيتتى، چېدىرىنى كۆتۈرەتتى. ئىت ئۇلارنى قوغدايتتى. مەلۇم بىر كۈنى بىر تۈلكە كېلىپ خورازنى ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا. قايغۇردى. ئۇ ئادەم بولسا: ‹بۇنىڭدا بىر ياخشىلىق بولۇشى مۇمكىن› دېدى ئاندىن بىر بۆرە كېلىپ ئېشەكنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتتى، ئېشەك ئۆلگەندىن كېيىن، ئائىلىسى ئۇنىڭغا قايغۇردى. ئۇ ئادەم بولسا: ‹بۇنىڭدا بىر ياخشىلىق بولۇشى مۇمكىن› دېدى. ئاندىن ئىتمۇ ئۆلدى. ئۇ ئادەم يەنىلا: ‹بۇنىڭدا بىر ياخشىلىق بولۇشى مۇمكىن› دېدى. مەلۇم بىر كۈنى تاڭ ئاتقاندا، ئۇلار ئەتراپقا، قارىۋىدى، ئەتراپتىكىلەر ھەممىسى ئەسىرگە ئېلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى ،پەقەت ئۇلار قېلىپ قالغان ئىدى. (ئەسلىدە) باشقىلارنىڭ قوي، ئېشەك خورازلىرى ئاۋاز چىقارغانلىقى ئۈچۈن بىلىنىپ قېلىپ تۇتۇپ كېتىلگەن، بۇلارنىڭ قېشىدا ئاۋاز چىقارغۇدەك ئىت، ئېشەك ياكى خوراز بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەسىرگە چۈشمەي قېلىپ قالغان ئىدى[25].

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «لوقمان ھەكىم ئوغلىغا :نەسىھەت قىلىپ

ئوغلۇم! ساڭا سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىش بولسۇن ياكى سەن يامان— كۆرىدىغان يامان ئىش بولسۇن، بىرەر ئىش يەتسە، قەلبىڭدە ‹شۇ ئىش ماڭا : دېگەنىدى، ئوغلى ئۇنىڭغا— نىسبەتەن ياخشى› دېگەن ئېتىقادنى تۇرغۇزغىن

سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ سەن دېگەندەك بولمىغۇچە مەن ساڭا بۇ ھەقتە— دېدى. شۇنىڭ بىلەن لوقمان— ‹شۇنداق قىلاي› دەپ ۋەدە بېرەلمەيمەن :ھەكىم ئوغلىغا

ئوغلۇم! ئاللاھ تائالا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ماڭغىن، شۇ پەيغەمبەرنىڭ— يېنىغا بارايلى! ئۇ پەيغەمبەر مەن ساڭا دېگەن بۇ سۆزنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ : دېدى. ئوغلى ئۇنىڭغا— دېدى. شۇنداق قىلىپ— ئۇنداقتا بىزنى ئۇنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارغىن— لوقمان ھەكىم بىر ئېشەككە مىنىپ، ئوغلى بىر ئېشەككە مىنىپ، يارىغۇدەك كۈندۈز يول- تۈلۈكلەرنى ئېلىپ سەپەرگە چىقىپ، بىرنەچچە كېچە- ئوزۇق ماڭدى ۋە ئۇلار بىر چۆلگە دۇچ كەلدى. ئۇلار لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ چۆلگە كىردى. ئۇلار ئاللاھ تائالا خاھلىغىنىچە ئۇزۇن يول يۈرۈدى. چۈش بىلەن قاتتىق تۈلۈكلىرى تۈگەپ كەتتى. ئۇلار ئېشىكىدىن- ئىسسىقتا ئۇلارنىڭ سۇ ۋە ئوزۇق چۈشۈپ ئاستا ماڭدى. ئۇلار شۇ ھالەتتە كېتىۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت لوقمان ھەكىم ئالدىغا قارىدى ۋە ئالدىدا بىر قارا ۋە تۈتۈن كۆردى. شۇنىڭ بىلەن لوقمان ھەكىم كۆڭلىدە ‹بۇ قارىلىق دەرەخزارلىق، تۈتۈن بولسا ئۆي ۋە كىشىلەر بار يەر، بولۇشى مۇمكىن› دېگەنلەرنى ئويلىدى. ئىككىسى شۇ ھالەتتە كېتىۋاتقاندا لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلى ئۇشتۇمتۇت يول ئۈستىدىكى بىر سۆڭەككە دەسسەپ سالدى ۋە سۆڭەك ئۇنىڭ تاپىنىدىن كىرىپ ئۈستىدىن چىقىپ قالدى، لوقماننىڭ. ئوغلى ئايلىنىپ يىقىلدى. لوقمان ئوغلىغا قارىسا، ئوغلى يىقىلىپ قالغانىدى لوقمان ھەكىم ئۇنىڭ يېنىغا سەكرەپ بېرىپ، ئۇنى كۆكسىگە باستى. ئاندىن سۆڭەكنى چىشى بىلەن تارتىپ چىقىرىۋەتتى ۋە بېشىدىكى سەللىسىنى ئېلىپ. يىرتىپ، ئۇنىڭ پۇتىنى تېڭىپ، ئوغلىنىڭ يۈزىگە قاراپ، كۆزىدىن ياشلار ئاقتى شۇ ئەسنادا بىر تامچە ياش بالىنىڭ مەڭزىگە چۈشۈپ كەتكەنىدى، بالا دەرھال :ھوشىغا كەلدى. بالا يىغلاۋاتقان دادىسىغا قاراپ

ئى ئاتا! سەن ھەرقانداق مۇسىبەتنىڭ ماڭا ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان— ئىدىڭغۇ؟ بۇ ئىش ماڭا ياخشى تۇرسىمۇ يەنە يىغالمسەن؟ تاماق ۋە سۇ تۈگىدى : دېگەنىدى، لوقمان ھەكىم ئوغلىغا— مەن ۋە سەن بۇ ئورۇندا قالدۇق

ئوغلۇم! مېنىڭ يىغلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەن ساڭا دۇنيادىكى بارلىق— نېسىۋەمنى فىدىيە قىلىشنى ئارزۇ قىلدىم. چۈنكى، مەن بىر ئاتا، مەندە ئاتىنىڭ مېھرىبانلىقى بار. سېنىڭ: ‹بۇ ئىش ماڭا قانداقمۇ ياخشى بولسۇن؟› دېگەن، سۆزۈڭ، سەندىن كۆتۈرۈۋېتىلگەن مۇسىبەت سەن سىنلاغان بۇ مۇسىبەتتىن چوڭ سەن سىنلاغان بۇ مۇسىبەت سەندىن كۆتۈرۈۋېتىلگەن مۇسىبەتتىن يەڭگىل دېدى — بولۇشى مۇمكىن

لوقمان ھەكىم ئوغلىغا بۇلارنى دېگەچ ئالدىغا قارىۋىدى، بايىقى تۈتۈن ۋە .قارىلىقنى كۆرمىدى ۋە كۆڭلىدە: ‹ھېچنەرسە كۆرمىگەن ئوخشايمەن› دېدى ئاندىن: ‹مەن ھەقىقەتەن كۆرگەن ئىدىم. لېكىن، رەببىم مەن كۆرگەن نەرسىگە ،بىرەر ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندۇ› دېدى. ئۇ بۇلارنى ئويلاۋېتىپ شۇنداق قارىۋىدى بىر كىشىنى كۆردى. ئۇ كىشى ئالىچىپار ئات ئۈستىگە مىنگەن ۋە ئاق كىيىم كىيگەن بولۇپ، ناھايىتى تېز كېلىۋاتاتتى. لوقمان ھەكىم ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى. ھەتتا ئۇ كىشى لوقمان ھەكىمگە يېقىن كەلگەندە، ئۇنىڭ :كۆزىدىن غايىب بولدى ۋە لوقمانغا

— سەن لوقمانمۇ؟ — دەپ توۋلىدى. لوقمان:

— ھەئە، — دېدى. ئۇ كىشى:

— بۇ ئەخمەق ئوغلۇڭ ساڭا نېمە دېدى؟ — دېدى. لوقمان:

ئى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى! سەن كىمسەن؟ ئاۋازىڭنى ئاڭلايمەنۇ، ئەمما— : دېدى. ئۇ كىشى— !يۈزۈڭنى كۆرەلمەيمەنغۇ

. مەن جىبرىلمەن، مېنى پەقەت مۇقەررەب پەرىشتە ۋە پەيغەمبەرلا كۆرەلەيدۇ— دېدى ۋە بۇ ئەخمەق ئوغلۇڭ— بولمىسا، سەن ئەلبەتتە مېنى كۆرەلەيتتىڭ : دېدى. لوقمان ھەكىم— ساڭا نېمە دېدى؟

— نېمە دېگەنلىكىنى بىلمىدىڭمۇ؟ — دېدى. جىبرىل:

مېنىڭ سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ھەققىدە ھېچ ئىلىمىم يوق. لېكىن، رەببىم— مېنى بۇ شەھەرنى، ئۇنىڭدىكى كىشىلەرنى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشكە ئەمىر قىلغان ئىدى، سىلەرنى ساقلايدىغان پەرىشتىلەر يېنىمغا كېلىپ ئىككىڭلارنىڭ بۇ شەھەرگە كىرمەكچى بولۇۋاتقىنىڭلارنى ماڭا خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن رەببىمگە ئىككىڭلارنى ئۆزى خاھلىغان

ۋاقىتقىچە توختىتىپ تۇرۇشىغا دۇئا قىلغانىدىم، رەببىم سېنىڭ ئوغلۇڭنى سىنىغان، ئۇ مۇسىبەت بىلەن ئىككىڭلارنى توسۇپ تۇردى، ئەگەر شۇنداق بولمىغان بولسا يەرگە يۇتقۇزۇلغان كىشىلەر بىلەن بىللە ئىككىڭلارمۇ يەرگە يۇتقۇزۇلغان دېدى. ئاندىن جىبرىل ئەلەيھىسسالام قولى بىلەن بالىنىڭ— بولاتتىڭلار - تاپىنىنى سىلاپ قويۇۋىدى، ئوغۇلنىڭ پۇتى ساقىيىپ ئۆرە تۇرالىدى، ئوزۇق تۈلۈك خالتىسىنىمۇ سىلاپ قويۇۋىدى، ئۇ خالتا يېمەكلىككە توشتى ۋە سۇداننىمۇ سىلاپ قويۇۋىدى، تۇلۇم سۇغا تولدى. ئاندىن ئىككىسىنى ئېشەكلىرىگە مىندۈرۈپ -ئۇچار قۇش ئۇچقاندەك ئېلىپ مېڭىپ، ئۇلارنى چىقىپ كەتكىلى نەچچە كېچە .كۈندۈز بولغان قورۇسىغا ئەكىلىپ قويدى

،ئىككىنچى يول: ئاخىرەتتە ساقلاپ قويۇلىدىغان ساۋاب بولغانلىقى ئۈچۈن. ئاغرىققا رازى بولۇش

بىر كېسەلنىڭ شىپا تېپىشىنى ئۈمىد قىلىپ قان ئېلىش، لوڭقا قويۇپ داۋالاش. ۋە دورىلارنى ئىچىشكە رازى بولۇش ھەققىدە ئىلگىرى سۆزلەندى

ئۈچىنچى يول: مۇسىبەتتىن كېلىدىغان ساۋاب تۈپەيلىدىن ئەمەس، مۇسىبەتنىڭ ياخشى كۆرۈلگۈچىنىڭ مەقسىتى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسىبەتكە رازى بولۇش. شۇ ئارقىلىق مۇسىبەت يەتكەن كىشىنىڭ نەزەرىدە ئەڭ لەززەتلىك نەرسە ئۆزى ھالاك بولغان تەقدىردىمۇ ياخشى كۆرۈلگەن كىشىسىنىڭ مەمنۇن بولۇشى بولىدۇ. بىر. كىشى: ‹سىلەرلا مەمنۇن بولساڭلار، يارامنىڭ كارايىتى چاغلىق› دېگەن

ئىنسان پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرگەندە، ئاغرىقنى ھېس قىلمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۆزلەندى. بۇنى ئۆزىدە ھېس قىلالمىغان ئادەملەرنىڭ، ئۇنى ئىنكار قىلىشى ناتوغرىدۇر. چۈنكى، ئۇ كىشى ياخشى كۆرۈش سەۋەبىنى يەنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈشنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تۇيغۇنى يوقىتىپ قويغان بولىدۇ. ياخشى كۆرۈش تەمىنى تېتىمىغان كىشى ياخشى !كۆرۈشنىڭ ئاجايىباتلىرىنى بىلەلمەيدۇ. پېقىر ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ئاڭلاش قۇۋۋىتىنى يوقاتقان كىشى ئاھاڭلارنىڭ ۋە كۈيلەرنىڭ لەززىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. قەلبى ئۆلگەن كىشى قەلبتىن باشقا مەۋجۇدلۇق ئورنى يوق بولغان بۇ .لەززەتلەرنى ئەلبەتتە ئىنكار قىلىدۇ

پەسىل: دۇئا قىلىشنىڭ رازى بولۇشقا زىت كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: دۇئا قىلىشنىڭ رازى بولۇشقا زىت كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا”

-شۇنى بىلگىنكى، دۇئا قىلىش رازى بولۇشقا زىت كەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك گۇناھ مەئسىيەت ئەھلىنى ۋە سەۋەبلىرىنى يامان- مەئسىيەتلەرنى يامان كۆرۈش، گۇناھ. كۆرۈش ۋە ئۇنى يوقىتىشقا تىرىشچانلىق قىلىش رازى بولۇشقا زىت كەلمەيدۇ دۇئا قىلىشقا كەلسەك، بىز ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىمىز ، ئاللاھ تائالا: «ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى ئۆزىنىڭ بەزى بەندىلىرىنى». (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە . دېگەن سۆزى بىلەن ماختىدى «21ئەنبىيائ-90» كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ. ۋە سالىھلەرنىڭ قىلغان دۇئالىرى مەشھۇردۇر.

، مەئسىيەتلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولماسلىققا كەلسەك- گۇناھ مەئسىيەتكە- بىز ئاللاھ تائالاغا شۇنداق قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىمىز. گۇناھ رازى بولغۇچىنى ئەيىبلەش بىلەن، شۇنىڭدەك كافىرلارنى، گۇناھكارلارنى دۈشمەن تۇتۇش ۋە ئۇلارغا ئىنكار قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىمىز. بۇ ھەقتە .كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپتۇر

  • سوئال: «قازايىقەدەرگە رازى بولۇش ھەققىدە سۆزلەندى. دېمەك، گۇناھ مەئسىيەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر مەئسىيەتلەر قازايىقەدەر بىلەن بولىدىغان بولسا، ئۇنى يامان كۆرۈش-گۇناھ ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىنى يامان كۆرگەنلىك بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئىككىسىنى »قانداق بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن؟

جاۋاب: بىلگىنكى، بۇ ئىلىم سىرلىرىنى بىلىشتە كەم ئىدراك كىشىلەرگە مۈجمەل بولۇپ قالىدىغان ئىشلاردىن بىرىدۇر. ھەتتا بىر تۈركۈم كىشىلەرگە مەئسىيەتنى ئىنكار قىلىشتىن- ھەقىقەت مۈجمەل بولۇپ قېلىپ، ئۇلار گۇناھ سۈكۈت قىلىشنى رازى بولۇش ماقاملىرىدىن بىر ماقام دەپ قارىدى ۋە ئۇنى .(سۈكۈت قىلىشنى) گۈزەل ئەخلاق دەپ ئاتاشتى. بۇ بولسا ئېنىق نادانلىقتۇر بەلكى بىز دەيمىزكى: «رازى بولۇش ۋە يامان كۆرۈش» بىرنەرسىدە، بىر . بىرىگە زىتتۇر- تەرەپتىن، ئوخشاش يول ئۈستىدە كەلسە بىر، بىرنەرسىگە بىر تەرەپتىن رازى بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى يامان كۆرۈش بىرىگە زىت ئەمەس. مەسىلەن، ھەم سېنىڭ دۈشمىنىڭ، ھەم سېنىڭ- بىر باشقا بەزى دۈشمەنلىرىڭنىڭمۇ پېيىدە بولۇپ ئۇلار بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان بىر دۈشمەن ئۆلۈپ كەتسە، سەن دۈشمىنىڭنىڭ دۈشمىنى ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ، ئۆلۈمىگە قايغۇرىسەن. ئەمما، ئۇنىڭ سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن مەئسىيەتنىڭمۇ ئىككى- ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن سۆيۈنىسەن. شۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ :تەرىپى بولىدۇ

مەئسىيەتنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى ۋە تاللىشىدىن بولغان- بىرى، گۇناھ تەرەپ. مۇتلەق پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەسلىم بولغۇچى بۇ تەرەپكە رازى .بولىدۇ

مەئسىيەتنىڭ ئىنساننىڭ ئۆز قىلمىشى- يەنە بىر تەرەپ، كىشى ئۇ گۇناھ ئىكەنلىكى، ئۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا نەزەرىدە يامان كۆرۈلگەنلىكىگە، ئۆچ كۆرۈلگەنلىكىگە ئالامەت ۋە سۈپەت بولغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىدىن يىراقلىشىش ۋە يامان كۆرۈلۈش سەۋەبلىرىنى ھۆكۈمران قىلغانلىقى تەرەپتىن ئۇنى .ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئەيىبلەيدۇ

بۇ سۆزلەر بۇ مىسال بىلەن ئايدىڭلىشىدۇ:

كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشىنى پەرەز قىلايلى! ئۇ كىشى ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئالدىدا: «مەن كىشىلەر ئىچىدىن مېنى ياخشى .كۆرىدىغان كىشىلەر بىلەن مېنى يامان كۆرىدىغان كىشىلەرنى ئايرىماقچىمەن شۇنىڭ ئۈچۈن، راستگۇي بىر ئۆلچەم قويىمەن. يەنى، مەن پالانى كىشىنى قەستەن قاتتىق ئۇرىمەن، ئۇرۇشۇم ئۇنى مېنى تىللاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇ مېنى تىللىغاندا، ئۇنى يامان كۆرىمەن ۋە ئۇنى دۈشمەن تۇتىمەن. شۇنداقلا، كىم ئۇنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ مېنىڭ دۈشمىنىم، كىم ئۇنى يامان كۆرسە، ئۇ مېنىڭ دوستۇم ۋە مېنى سۆيىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن» دەيدۇ. ئاندىن ئەينەن شۇنداق قىلىدۇ. نەتىجىدە مەقسەت ھاسىل بولۇپ ئۇرۇلغۇچى تىللايدۇ ۋە تەنقىد :قىلغۇچىلار دۈشمەن قاتارىغا ئۆتىدۇ. راست ياخشى كۆرگۈچىلەر بولسا ئۇنىڭغا ،‹سېنىڭ بۇ شەخسنى ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرىشىڭنى ياقتۇردۇم. چۈنكى قارىشىڭ، سېنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشۇڭ ۋە سېنىڭ ئىشىڭ، ئۇنىڭ- ئۇ سېنىڭ كۆز سېنى تىللىشى بولسا ساڭا ھۇجۇم ۋە يامانلىق قىلغانلىقتۇر، مەن سېنى تىللىغان كىشىنى يامان كۆرىمەن، ئۇ ئەسلىدە سېنى تىللىماسلىقى ۋە سەبر قىلىشى كېرەك - ئىدى› دەيدۇ. دېمەك، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ شەھۋەت ۋە گۇناھ مەئسىيەت سەۋەبلىرىنى بەندىگە ھۆكۈمران قىلىشى ۋە ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق. قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى يامان كۆرۈشى شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر

شۇڭا، ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن ھەربىر بەندىنىڭ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۆچ كۆرگەن كىشىنى ئۆچ كۆرۈشى ۋە ئاللاھ تائالا دۈشمەن تۇتقان ۋە ھۇزۇرىدىن

گەرچە ئاللاھ تائالا قۇدرىتى ۋە بېسىمى بىلەن ئۇنى— يىراق قىلغان كىشىنى دۈشمەن تۇتۇشى— ئۆزىگە دۈشمەنلىشىش ۋە قارشىلىشىشقا مەجبۇر قىلسىمۇ ۋاجىبتۇر. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق ۋە قوغلاندىدۇر. جىمى سۆيگۈچىلەر سۆيگەن زاتنىڭ مۇرادىغا مۇۋاپىق ئىش تۇتۇپ، ئۇ يېقىنلىق مەرتىۋىلىرىدىن يىراقلاشتۇرغان ۋە غەزەپ قىلغانلارغا غەزەپ ئىزھار قىلىش بىلەن. ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈشى كېرەكتۇر، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن يامان كۆرۈش ۋەيا ياخشى كۆرۈش كافىرلارغا قاتتىق، قوپلا بولۇش ۋە ئاللاھ تائالادىن كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا قازايىقەدەرگە رازى بولۇپ، ئۇلارنى چىن دىلىدىن يامان كۆرۈش ھەققىدە كەلگەن. بارلىق ھەدىسلەر مۇئەييەنلىشىدۇ

بۇنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن تەقدىرنىڭ سىرى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇ سىر بولسا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ھەرئىككىسىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادە ۋە خاھىشىغا كىرىدىغانلىقى، لېكىن يامانلىقنىڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان مەقسەت ۋە .ياخشىلىقنىڭ مەمنۇن بولۇنىدىغان مەقسەت ئىكەنلىكىدۇر

شەرىئەت ئەدەبلىرى بىلەن قوراللىنىش، سۈكۈت قىلىش ۋە قازايىقەدەرگە رازى مەئسىيەتلەرنى يامان كۆرۈش قاتارلىقلارنى جەم قىلىشتىن- بولۇش بىلەن گۇناھ ئىبارەت كىشىلەر قىلىدىغان ئىبادەت بىلەن تۇرۇش ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ. ياخشى بىلگۈچىدۇر

بۇ بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا ياخشى كۆرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەتلىك سۆزلەر ۋە ھېكايىلەر
بۆلۈم: “بۇ بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا ياخشى كۆرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەتلىك سۆزلەر ۋە ھېكايىلەر”

ياخشى كۆرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بىرنەچچە رىۋايەت

. دەرلەركى: ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەپ ۋەھيى قىلغان1 ،ئىدى: ئەگەر مەندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر مېنىڭ ئۇلارنى قانداق كۈتىدىغىنىمنى مەئسىيەتلەرنى تەرك- ئۇلارغا قانداق مېھرىبانلىقىمنى، مېنىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھ ئېتىشىگە قانداق تەشنا ئىكەنلىكىمنى بىلسە ئىدى، ئۇلار ماڭا تەشنا بولۇپ - ئۆلۈپ قالغان بولاتتى، مېنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ بوغۇملىرى پارچە .پارچە بولۇپ كېتەتتى ئى داۋۇد! مانا بۇ زاتىمنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر بارىدىكى ئىرادەمدۇر ماڭا يۈزلەنگۈچىلەر بارىدا مېنىڭ ئىرادەم قانداق بولار؟! ئى داۋۇد! بەندە مەندىن، ئۆزىنى بىھاجەت سانىسا، ماڭا ئەڭ موھتاج بولۇر، بەندە مەن تەرەپكە قايتسا. مېنىڭ نەزەرىمدە ئەڭ ھۆرمەتلىك بولۇر.

،. بىر ئىبادەتگۇي ئايال: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن ھاياتتىن زېرىكتىم2 ئەگەر ئۆلۈم سېتىلىدىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالاغا بولغان تەشنالىقىم ۋە ئۇ .زاتنىڭ دىدارىغا بولغان مۇشتاقلىقىم بىلەن ئۆلۈمنى سېتىۋالاتتىم» دەيتتى :شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالغا

— سەن قىلغان ئەمىلىڭگە ئىشەنچ قىلامسەن؟ — دەپ سورىدىلەر، ئۇ ئايال:

ياق، لېكىن مەن ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىمەن ۋە ئۇنىڭدىن ياخشىلىق— كۈتىمەن. مەن ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام، سەنچە ئاللاھ تائالا دېدى — مېنى ئازابلارمۇ؟

ئىزاھاتلار:

  • [1] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6171)؛ مۇسلىم (2639). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • [2] ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ» (9/10). سەنەدى ئىنتايىن زەئىف.
  • [3] ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد» (1590).
  • [4] ئەھمەد (17716)؛ تىرمىزىي (2330). ئالبانىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن؛ «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە» (1836) دە: «سەھىھ» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • [5] قۇياش تۆتىنچى ئاسماندا دېيىش ئىجتىھادىي ھۆكۈمدۇر. توغرىسىنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
  • [6] ئىبنى ھىببان (361). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ئىنتايىن زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە» (109) دە: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • [7] ئالىملار بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى چۈشىدە كۆرۈشى مۇمكىن ئىش ئىكەنلىكىدە بىردەك قاراشتا. قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم» (7/457).
  • [8] ئەھمەد (21710)؛ ھاكىم (1900). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي «زەئىفۇتتەرغىب» (397) دە: «زەئىف» دېگەن. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. لېكىن، فەزالە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتىنى ئىبنى ھىببان (1229)؛ ھاكىم (1971)؛ نەسائىي (1923) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەھىھ رىۋايەت قىلغان. ئالبانىي: «سەھىھۇننەسائىي» (1306) دە: «سەھىھ» دېگەن.
  • [9] بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى نامەلۇم.
  • [10] بۇخارىي (6502). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • [11] تىرمىزىي (2396). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە» (146) دە: «سەھىھ» دېگەن.
  • [12] بۇخارىي (6780). ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇرۇلغان كىشىنى «ھىمار» دەپ لەقەملەندۈرۈلگەن «ئابدۇللاھتۇر» دەپ رىۋايەت قىلغان. لېكىن، بەزىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان، بۇخارىي (2316) دىكى يەنە بىر قىسسىگە ئاساسەن، ئۇ كىشىنى نۇئەيمان ياكى ئىبنى نۇئەيمان دەپ رىۋايەت قىلغان.
  • [13] ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد» (127)؛ دەيلەمىي: «ئەلفىردەۋس بىمەئسۇرىل خىتاب» (946). ئەبۇلئەلائ يەزىد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى شىخخىردىن مۇرسەلدۇر.
  • [14] ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىزا ئەنىللاھى بىقازائىھى» (9). سەنەدى زەئىف.
  • [15] ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە (15).
  • [16] ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد» (124)؛ ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە (47).
  • [17] ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ» (4/104). سەنەدى سەھىھ. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان» (209)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر» (8844).
  • [18] ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە (42).
  • [19] بۇ رىۋايەت «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»دا سەنەدسىز كەلتۈرۈلگەن.
  • [20] ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىزا ئەنىللاھى بىقازائىھى» (38)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ» (4/46). سەنەدى زەئىف.
  • [21] ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە (70)؛ ئەبۇ نۇئەيم: يۇقىرىقى مەنبە (4/55). سەنەدى زەئىف.
  • [22] ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە (95).
  • [23] ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە (13)؛ ئەبۇ نۇئەيم: يۇقىرىقى مەنبە (6/156).
  • [24] بۇ زاھىد Polyphonic مۇھەممەد ئىبنى خالىد ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەلبەراسىينىڭ سۆزىدۇر. ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە (24).
  • [25] ئەھمەد (12929). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي «سەھىھۇلجامىئ» (3985) دە: «سەھىھ» دېگەن.
  • [26] ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەررىزا ئەنىللاھى بىقازائىھى» (29).

يىگىرمە سەككىزىنچى بۆلۈم: نىيەت، ئىخلاس ۋە سىدقى (راستچىللىق) توغرىسىدا

بۆلۈم: “يىگىرمە سەككىزىنچى بۆلۈم: نىيەت، ئىخلاس ۋە سىدقى (راستچىللىق) توغرىسىدا”

بىلگىنكى، ئىمان نۇرى ۋە قۇرئان زىيالىرى بىلەن قەلبى نۇرلانغان كىشىلەرگە سائادەتكە ئېرىشىشنىڭ پەقەت ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەنلا مۇمكىن- بەخت. بولىدىغانلىقى ئايدىڭدۇر

ئالىملاردىن باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھالاك بولغۇچىدۇر. ئالىملار ئىچىدە ئەمەل قىلغۇچى ئالىملاردىن باشقا ئالىملار ھالاك بولغۇچىدۇر. ئەمەل قىلىشتىمۇ ئىخلاس قىلغۇچىلاردىن باشقا ئەمەل قىلغۇچىلار ھالاك بولغۇچىدۇر، شۇ ئىخلاس. قىلغۇچىلارمۇ ھەم چوڭ خەتەر ئۈستىدىدۇر

نىيەت قىلماستىن قىلىنغان ئەمەل بىھۇدە جاپادۇر. ئىخلاس بولمىغان نىيەت توزانغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا- رىيادۇر. ئەمەلىي كۆرسىتىلمىگەن ئىخلاس چاڭ «بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىرتەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ :ئېيتۇر يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز، (يەنى ئۇلار ئىمانسىز بولغانلىقتىن، قىلغان ياخشى «25فۇرقان-23» )ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز

كاشكى مەن ھېس قىلسامچۇ! نىيەتنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىگەن كىشىنىڭ نىيىتى قانداقمۇ دۇرۇس بولسۇن؟! ياكى ئىخلاس ھەقىقىتىنى بىلمىگەن كىشى قانداق !نىيىتىنى توغرىلاپ ئىخلاس قىلالىسۇن؟

ئىخلاس مەنىسى ئەمەلىيەتكە چىقمىسا، ئىخلاس قىلغۇچى كىشى ئۆزىنىڭ !نەپسىدىن راستچىللىقنى قانداق تەلەپ قىلار؟

ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشنى ئىرادە قىلغان ھەرقانداق بەندىنىڭ تۇنجى .ۋەزىپىسى تونۇش ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن ئاۋۋال نىيەتنى بىلىشى كېرەك بەندىنىڭ نىجات تېپىشىغا ۋاسىتە بولىدىغان ئىخلاس ۋە راستچىللىقنىڭ. ھەقىقىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئەمىلىنى توغرىلىشى كېرەك. بىز بۇلارنى ئۈچ پەسىلگە بۆلۈپ بايان قىلىمىز

بىرىنچى پەسىل: نىيەت قىلىش، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا

بۆلۈم: “بىرىنچى پەسىل: نىيەت قىلىش، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا”

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا». پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچنەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچنەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئۇلارنى . بۇ ئايەتتىكى كۆزلەش نىيەت «6ئەنئام-52» قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن. قىلىش دېمەكتۇر

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ :مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم «ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر. ھەركىمنىڭ ئەمەلى ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىگە يارىشا بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلى ئۈچۈن ھىجرەت دۇنيا تېپىش ياكى خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ھىجرەت- قىلغان بولىدۇ. كىمكى مال قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۆزى مەقسەت قىلغان ئاشۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ھىجرەت.»قىلغان بولىدۇ

:«سەھىھەين»دە ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :«بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ

ئى ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى! بىر ئادەم باتۇرلۇق قىلىپ ئۇرۇشىدۇ، بىر— ئادەم غەزەپلىنىپ ئۇرۇش قىلىدۇ ۋە بىر ئادەم رىيا قىلىپ ئۇرۇش قىلىدۇ دېگەنىدى، پەيغەمبەر— بۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ؟ :سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم.

كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسى ئەڭ ئالىي بولۇشى ئۈچۈن ئۇرۇشسا، ئۇ— .» دېدى— كىشى ئاللاھ تائالا يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى

ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر مەدىنىدە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى كەينىڭلاردا قالدۇرۇپ چىقتىڭلار، سىلەر بىرەر ۋادىدىن ئۆتسەڭلار ۋە بىرەر يولدىن ماڭساڭلار ئۇلار سىلەرگە ئەجىردە شېرىكتۇر. ئۇلارنى كېسەللىك سىلەر بىلەن بىللە . مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇخارىي ئەنەس»چىقىشتىن توختىتىپ قويدى .رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان

«سەھىھەين»دە رىۋايەت قىلىنغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئۇنى قىلمىسا، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق.»قىلغانلىقنىڭ ئەجرى يېزىلىدۇ

ئەبۇ كەبەشە ئەلئەنمارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈممەت مىسالى تۆت تۈرلۈك كىشىگە ئوخشايدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، ئاللاھ تائالا ھەم ئىلىم، ھەم مال بەرگەن كىشىدۇر، ئۇ كىشى ئىلمىگە ئەمەل قىلىپ، مېلىنى ھەق يولغا سەرپ قىلىدۇ؛ يەنە بىرى، ئاللاھ تائالا ئىلىم بەرگەن، لېكىن مال بەرمىگەن كىشىدۇر. ئۇ كىشى: ‹ئەگەر مېنىڭ بۇ (ياخشى) كىشىگە ئوخشاش مېلىم بولسا ئۇ كىشى .قىلغانغا ئوخشاش ئەمەل قىلاتتىم› دەيدۇ. بۇ ئىككى كىشى ئەجىردە باراۋەردۇر يەنە بىر كىشى ئاللاھ تائالا مال بېرىپ، ئىلىم بەرمىگەن كىشىدۇر. ئۇ ئادەم مېلىنى قارىغۇلارچە، باتىل يولغا سەرپ قىلىدۇ. يەنە بىرى ئاللاھ تائالا ئىلىممۇ ،ۋە مالمۇ بەرمىگەن كىشىدۇر. ئۇ ئادەم: ‹ئەگەر ئاللاھ ماڭا مال بەرگەن بولسا بۇ باي مېلىنى قارىغۇلارچە خەجلىگەندەك، مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم› دەيدۇ. ئۇ .»ئىككىسى گۇناھتا باراۋەردۇر

ئەبۇ ئىمران ئەلجەۋنىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەرىشتىلەر ئەمەللەرنى :ئېلىپ ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە

— ئۇ ئەمەل دەپتىرىنى تاشلاڭلار! — دەپ نىدا قىلىدۇ. پەرىشتىلەر: — رەببىمىز! ئۇ ئادەم ياخشىلىقنى سۆزلىگەنىدى، بىز ئۇنى يېزىپ ساقلىدۇق — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تەبارەكە ۋە تائالا:

— ئۇ ئادەم ئۇ ياخشىلىق بىلەن مېنىڭ رازىلىقىمنى نىيەت قىلمىدى—

دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا پەرىشتىگە:

دەيدۇ: . پەرىشتە— پالانىغا مۇنداق، مۇنداق ساۋاب يازغىن—

دەيدۇ. شۇنىڭ— رەببىم! ئۇ ئادەم ئۇ ياخشى ئەمەلنى تېخى قىلمىدى— :بىلەن ئاللاھ تائالا

. دەيدۇ— ئۇ شۇ ياخشى ئەمەلنى قىلىشنى نىيەت قىلدى—

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئەمەللەرنى قىلىش، ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىش ۋە ئاللاھ تائالا.»ھۇزۇرىدىكى نەرسىگە نىيەتنىڭ توغرا بولۇشى ئەڭ ئەۋزەل ئەمەلدۇر

بىر كىشى: «داۋاملىق ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنىدىغان بىر ئەمەلنى ماڭا كۆرسىتىپ قويۇڭلار» دېگەنىدى، ئۇنىڭغا: «ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلغىن. چۈنكى، سەن ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلساڭ، ئۇنى قىلمىساڭمۇ ياخشىلىق قىلىشقا نىيەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، داۋاملىق ئۇنى قىلغاندەك بولىسەن» دېيىلدى

ئەمەل قىلالمىسىمۇ، نىيەت ئەمەلنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. چۈنكى، بىر كىشى ،كېچىدە قىيامدا تۇرۇشنى نىيەت قىلىپ، قىيامدا تۇرالماي ئۇخلاپ قالغان بولسا. ئۇ كىشىگە قىلىشنى نىيەت قىلغان ئىبادىتىنىڭ ساۋابى بولىدۇ

بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «بىر ئادەمنىڭ كېچىدە قىيامدا تۇرىدىغان بىر ۋاقتى بولسا ۋە شۇ ۋاقىتتا قىيامدا تۇرالماي ئۇخلاپ قالسا ئۇنىڭغا شۇ سائەتتە ناماز ئوقۇغانلىقنىڭ ئەجرى بولىدۇ. ئۇخلىغىنى ئۇنىڭغا قىلىنغان سەدىقە .»بولىدۇ

يەنە بىر ھەدىستە: «مۇئمىننىڭ نىيىتى ئۇنىڭ ئەمىلىدىن ياخشىدۇر» دېيىلگەن.

.313/2 ،»ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ .)175( ،»ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەلۋەرەئۇ .). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى1314( )؛ ئەبۇ داۋۇد24386( )؛ ئەھمەد255( مالىك

)5691 ،»شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ. رىۋايىتى

«النية» (نىيەت قىلىش)، «الإرادة» (ئىرادە قىلىش) ۋە «القصد» (مەقسەت قىلىش) دېگەن سۆزلەر مەنىداش سۆزلەردۇر.

نىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەمەللەرنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا

بۆلۈم: “نىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەمەللەرنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا”

شۇنى بىلگىنكى، ئەمەللەر ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ:

مەئسىيەتلەر- بىرىنچى قىسىم: گۇناھ

مەئسىيەتلەرنىڭ ماھىيىتى نىيەتكە قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ. مەسىلەن، بىر- گۇناھ، كىشى ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ ھارام مال بىلەن مەسجىد بىنا قىلغان بولسا نىيەت قىلىنغان ياخشىلىق ئۇنىڭغا پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى، ياخشىلىقنى باشقا بىر يامانلىق بىلەن مەقسەت قىلىش بىر يامانلىق ھېسابلىنىدۇ. ياخشلىقلار شەرىئەتتە ياخشىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، «خەير» دەپ بىلىنىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، يامانلىقنىڭ ياخشىلىق بولۇشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟! يامانلىقنىڭ. ياخشىلىق بولۇشى ھەقتىن يىراقتۇر

مەدرەسەلەرنى بىنا قىلىپ، سۇلتانلارغا- بىلگىنكى، ھارام مال بىلەن مەسجىد يېقىنلىق ئىزدىگەن كىشى ئەخمەقلەرگە ئوخشاش پاسىقلىق ئەمەللىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان يامان كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگىتىپ ئۇلارغا يېقىنلىشىدىغان يامان ئالىملارغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى، بۇ يامان ئادەملەر ئىلىم ئۆگەنسە، ئاللاھ تائالانىڭ يولىنى توسىدىغان بۇلاڭچىلار بولىدۇ. ئۇلار دۇنيا تېپىشقا ھېرسمەن بولىدۇ ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىدۇ. بۇنىڭ يامان ئاقىۋىتى ئۇلارنىڭ بۇزۇق نىيەتلىرىنى .ۋە مەقسەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ئىلىم ئۆگەتكۈچىگە بولىدۇ

مەدداھلارنىڭ قىسسىلەرنى ئۆگىنىشىمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەقسەتلىرى ھەممىگە تونۇشلۇقتۇر. ئۇلارنىڭ مەقسىتى دۇنيا تېپىش، ۋە قانداق يول بىلەن بولسۇن باشقىلارنىڭ مېلىنى ئېلىۋېلىشتىن ئىبارەت. شۇڭا. ئۇلارغا قىسسىلەرنى ئۆگىتىش بۇزۇقچىلىققا ياردەم بەرگەنلىكتۇر

مەئسىيەتكە- ئىبادەتنىڭ نىيەت سەۋەبلىك گۇناھ- سەن تائەت مەئسىيەت بولسا نىيەت سەۋەبلىك ئەسال- ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىسەن. گۇناھ ئىبادەتكە ئايلانمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭغا ناچار مەقسەت قوشۇلسا، ئۇنىڭ- تائەت. گۇناھى ھەسسىلەپ بولىدۇ ۋە يامان ئاقىۋىتى چوڭ بولىدۇ

ئىبادەتلەر- ئىككىنچى قىسىم: تائەت

ئىبادەتلەرنىڭ توغرا بولۇشىنىڭ ئاساسى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ- تائەت. ھەسسىلەپ ئېشىشى نىيەتكە باغلىقتۇر

ئىبادەتنىڭ ئاساسى باشقىنى ئەمەس، پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت- تائەت ئىبادەت- قىلىشنى نىيەت قىلىشتۇر. ئەگەر نىيىتى رىيا قىلىش بولسا، تائەت . مەئسىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ- گۇناھ

پەزىلىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىىشى ياخشى نىيەتلەرنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن بولىدۇ. چۈنكى، بىر ئىبادەتتە كۆپلىگەن ياخشىلىقلارنى نىيەت قىلىش مۇمكىن، بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق كىشىنىڭ ھەربىر نىيتىگە ساۋاب بېرىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىن ھەربىرى بىر ياخشىلىق بولۇپ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىلىنىپ. يېزىلىدۇ

مىسال: مەسجىدتە ئولتۇرۇش ئىبادەتتۇر. بۇ ئىبادەتتە كۆپلىگەن ئىشلارنى ،نىيەت قىلىش مۇمكىن. جۈملىدىن، مەسجىدكە كىرىش بىلەن نامازنى كۈتۈشنى ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ۋە بەدەن ئەزالىرىنى گۇناھتىن توختىتىشنى نىيەت قىلىش قاتارلىقلاردۇر. چۈنكى، ئېتكاپتا ئولتۇرۇش بەدەن ئەزالىرىنى گۇناھتىن توختاتقانلىقتۇر. يەنە مەسجىدتە ئولتۇرۇش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېتىشتىن قايتۇرغۇچى ئامىللارنى يوق قىلغىلى ۋە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلغىلى بولىدۇ. بۇ بولسا بىر ئەمەلدە ياخشى نىيەتلەرنى كۆپ قىلىشنىڭ يولىدۇر. بۇنىڭغا باشقا ئىبادەتلەرنى قىياس قىلغىن! چۈنكى، ھەرقانداق ئىبادەت نۇرغۇن نىيەتلەرنى ئۆز. ئىچىگە ئالىدۇ

ئۈچىنچى قىسىم: مۇباھ ئىشلار

مۇباھ نەرسىلا بولىدىكەن، ئۇنىڭغا بىر ياكى بىرنەچچە ياخشى نىيەتنى قىلغىلى بولىدۇ. مۇباھ نەرسىلەر شۇ نىيەتلەر بىلەن ئىبادەتلەرگە ئايلىنىدۇ ۋە ئالىي دەرىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياخشى نىيەتلەردىن غاپىل قېلىپ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىپ. يۈرگەن ئىنسانلار ناھايىتى چوڭ زىيان تارتقۇچىدۇر

بەندە ھەرقانداق خىيالىنى، ئالغان قەدەملىرىنى ۋە ھەربىر قاراشلىرىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، قىيامەت كۈنى بەندە بۇلارنىڭ ھەممسىدىن «نېمە .ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭ؟ نېمىنى مەقسەت قىلدىڭ؟» دەپ سورلاغۇچىدۇر، مۇباھ ئىشلاردىن ئىبادەتنى نىيەت قىلىشنىڭ مىسالى: خۇش پۇراق ئىشلىتىش بۇنىڭ بىلەن سۈننەتكە ئەگىشىشنى، مەسجىدنى ھۆرمەتلەشنى ۋە ئۆزى ئارىلاشقان. كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدىغان پۇراقلارنى يوق قىلىشنى نىيەت قىلىش قاتارلىقلار

شۇنىڭدەك خۇش پۇراق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەقلىنى ۋە زېرەكلىكىنى ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلىشى، پىكىر يۈرگۈزۈپ دىنىدىكى مۇھىم ئەھكاملارنى چۈشىنىۋېلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. چۈنكى، ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ: «كىمنىڭ. پۇرىقى ياخشى بولسا ئەقلى زىيادە بولىدۇ» دېگەن

سەلەف سالىھلەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مەن بارلىق ئىشلىرىمدا ھەتتا يېمەك، ئىچمەك، ئۇخلاش ۋە تاھارەت سۇندۇرۇش چاغلىق ئىشلاردىمۇ ياخشى .»نىيىتىم بولۇشىنى ياقتۇرىمەن

بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنى مەقسەت قىلىش مۇمكىندۇر. چۈنكى، بەدەننىڭ ساغلام تۇرۇشىغا ۋە قەلبنىڭ ساپ بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق نەرسە دىننىڭ مۇھىم ئىشلىرىدىندۇر. بىر كىشى يېمەك يەپ ئىبادەتتە بەردەم بولۇشنى، نىكاھلىنىپ دىنىنى ساقلاشنى ۋە ئايالىنىڭ قەلبىنى مەمنۇن قىلىشنى ھەمدە ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان بىر بالىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلسا، بۇنىڭ ھەممىسىگە .ساۋاب بېرىلىدۇ

ھەرىكىتىڭنى سەل چاغلىمىغىن! سەندىن ھېساب- سەن ھېچبىر سۆز ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزۈڭدىن ھېساب ئالغىن! قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى قىلىشتىن ئاۋۋال نىيىتىڭنى توغرىلىغىن! ۋە تەرك ئەتكەن نەرسىلەردىمۇ نىيىتىڭگە !قارىغىن

نىيەتنىڭ ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “نىيەتنىڭ ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقىنىڭ بايانى”

شۇنى بىلگىنكى، نەپس ئۆزىگە نەق شۇ دەمدە ياكى كېلەچەكتە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن نەرسىگە مايىل بولىدۇ ۋە شۇ نەرسىگە نەپسىنىڭ قوزغىلىشى .«نىيەت» دېمەكتۇر

بەلكىم، بەزى جاھىللار: «بىز نىيەتنى ياخشى قىلىش ھەققىدە تەۋسىيە قىلغان بەزى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، يېمەك يېگەن چاغدا ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن يېيىشنى نىيەت قىلدىم ياكى ئوقۇغان چاغدا ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن ئوقۇشنى ،نىيەت قىلدىم» دېيىشى ۋە بۇنى نىيەت قىلغانلىق دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى بۇ نىيەت ئەمەستۇر. ھەقىقىي نىيەت بولسا قەلبنىڭ قوزغىلىشىدۇر. نىيەت ئاللاھ تائالاغا تامامەن تەسلىم بولۇشتۇر. نىيەت ئىختىيارلىق دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. نىيەت

— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— بۇ تابىئىنلاردىن زۇبەيد ئىبنى ھارىس ئەليامىينىڭ

.)195( ،»سۆزىدۇر. قاراڭ: ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد

قىلىش بەزىدە ئاسان، بەزىدە تەس بولىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتتا قەلبى دۇنياغا. ئەمەس، دىنغا مايىل بولىدىغان كىشىگە نىيەت قىلىش ئاسان بولىدۇ

كىشىلەر نىيەت قىلىشتا بىرنەچچە قىسىمغا بۆلىنىدۇ:

. ئىبادەت قىلىدۇ- بىر قىسمى، قورقۇش تۈرتكىسىدە تائەت. بىر قىسمى، ئۈمىد قىلىش تۈرتكىسىدە ئەمەل قىلىدۇ

يەنە بىر قىسمى يۇقىرىقى ئىككىسىدىنمۇ ئۈستۈندۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىبادەتكە ۋە قۇللۇق قىلىشقا لايىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش نىيىتىدە .ئىبادەت قىلىش. بۇنداق ئىبادەت قىلىشقا دۇنياغا قىزىققۇچى مۇيەسسەر بولمايدۇ بۇ بولسا نىيەتلەرنىڭ ئەڭ كەم ئۇچرايدىغىنى ۋە ئەڭ ئالىيسىدۇر. بۇ نىيەتتە بولۇش تۈگۈل، ئۇنى چۈشىنىدىغانلارمۇ بەك ئازدۇر. بۇ دەرىجە ئىگىسى ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە پىكىر قىلىش. ۋە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشتىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ

ھېكايە قىلىنىدۇكى، ئەھمەد ئىبنى خەزرەۋەيھ ئىززەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالانى چۈشىدە كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: «بارلىق كىشىلەر مەندىن .(بىرنەرسە) تىلەيدۇ، ئەمما ئەبۇ يەزىد (ئەلبىستامىي) مېنى تىلەيدۇ» دەيدۇ

بىزنىڭ بۇنى كەلتۈرۈشتىكى مەقسىتىمىز نىيەتلەرنىڭ دەرىجە جەھەتتە پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈندۈر. بىر كىشىنىڭ قەلبىنى بۇ نىيەتلەردىن بىرى چۇلغىۋالسا، بەزىدە ئۇنىڭدىن باشقىغا مايىل بولالماسلىقى مۇمكىن. بىر كىشى مۇباھ نەرسىگە نىيەت باغلىسا، لېكىن پەزىلەتلىك ئەمەلگە نىيەت. باغلىيالمىسا، مۇباھقا نىيەت باغلىيالىغىنى ئەۋزەل. پەزىلەت مۇباھقا يۆتكىلىدۇ

مىسال: بىر كىشى ئىبادەتتە تېخىمۇ بەردەم بولۇش ۋە بەدىنىنى راھەتلەندۈرۈش ئىچىشكە نىيەت باغلىغان بولۇپ، ئاشۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇش ۋە- ئۈچۈن يەپ روزا تۇتۇشقا نىيەت قوزغالمىسا، ئۇنىڭ يېيىشى ۋە ئۇخلىشى ئەۋزەلدۇر. بەلكى ئىبادەتنى كۆپ قىلغانلىقتىن، ئىبادەت قىلىش مالال كەلسە ۋە مۇباھ نەرسە بىلەن بىر سائەت راھەتلەنسە ئۇنىڭ تېتىكلىكى قايتىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا شۇنى .قىلىش ئىبادەت قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «قەلبلەرنى دەم ئالدۇرۇڭلار، ئۇنىڭغا ئاجايىب ھېكمەتلەرنى ئىزدەڭلار، چۈنكى قەلبلەر بەدەن چارچىغاندەك.»چارچايدۇ

بىر كىشى مۇنداق دېگەن: «قەلبلەرنى راھەتلەندۈرسەڭلار، قەلبلەر زىكىرنى

.»چۈشىنىدۇ بۇ نازۇك ئىلىملەرنى پەقەت ئالىملار بىلەن ئارىلىشىش ئارقىلىق بىلەلەيسەن چۈنكى، ئۇستا تېۋىپ بەزىدە قىزىپ قالغان كىشى قىزىپ تۇرسىمۇ، گۆش بىلەن داۋالىيالايدۇ. نائۇستا تېۋىپنىڭ بۇنداق قىلالىشى ناتايىن. نائۇستا تېۋىپ داۋالىماقچى بولغان ئادەمنىڭ داۋالاشنى كۆتۈرەلىشى ۋە ئۇنىڭ قۇۋۋەتلىك بولۇشى .ئۈچۈنلا گۆش تەلەپ قىلىدۇ.

شۇنىڭدەك ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر كىشى دۈشمىنىنى تېخىمۇ تار يەرگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىپ دۈشمىنىدىن قېچىشى مۇمكىن. ئاللاھ تائالا. يولىدا مېڭىش شەيتانغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقتۇر. قەلبنى داۋالىغانلىقتۇر ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىنغان ۋە يىراقنى كۆرىدىغان كىشى شۇ يولدىكى ئاجىز كىشىلەر يىراق سانايدىغان نازۇك ھىيلىلەرنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى بىلمىگەن نەرسىلەرنى يىراق سانىشى توغرا بولمايدۇ. بەلكى ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ سىرلىرى ئېچىلىپ بولغۇچە ياكى ئۆزلىرى شۇ ماقاملارغا يەتكۈچە بۇ .ئىشلارنىڭ سىرلىرىنى يۈكسەك ماقاملىق كىشىلەرگە تاپشۇرۇشى كېرەك

ئىككىنچى پەسىل: ئىخلاس قىلىش، ئۇنىڭ پەزىلىتى، ھەقىقىتى ۋە دەرىجىلىرى

بۆلۈم: “ئىككىنچى پەسىل: ئىخلاس قىلىش، ئۇنىڭ پەزىلىتى، ھەقىقىتى ۋە دەرىجىلىرى”

، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان ئىخالس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر» «98بەييىنە-5» ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى ،نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت. ئاللاھ تائالا: «بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر» «39زۇمەر-3» يەنە . دېگەن. بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن باشقا ئايەتلەرمۇ بار.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا، مۇنداق دېگەن: «دىنىڭنى (ئىبادىتىڭنى رىيا ۋە شېرىكتىن) ساپ قىلغىن.»شۇندىلا ساڭا ئازغىنە ئەمەل كۇپايە قىلىدۇ

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر ھەدىسىدە مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «قىيامەت

كۈنى پەرىشتىلەر پېچەتلەنگەن دەپتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا :پەرىشتىلەرگە

. دەيدۇ— ! بۇ دەپتەرنى تاشلاڭلار، بۇ دەپتەرنى قوبۇل قىلىڭلار— :پەرىشتىلەر

سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! بىز پەقەت بولغان ئىشلارنىلا يازدۇق، — :دەيدۇ. ئاللاھ تائالا

بۇ ئەمەل مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بولمىغان ئىدى، بۈگۈن مەن پەقەت— .» دەيدۇ— مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بولغان ئەمەلنىلا قوبۇل قىلىمەن

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەرىشتىلەر بىر بەندىنىڭ ئەمىلىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى كۆپەيتىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ۋەھيى قىلىپ: ‹سىلەر مېنىڭ بەندەمنىڭ ئەمىلىنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرسىلەر. مەن ئۇ بەندىنىڭ كۆڭلىدىكىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىمەن. ئۇ بەندەم ئەمىلىنى رىيادىن ساپ قىلمىدى، ئۇنىڭ كىتابىنى دە قىلىڭلار› دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يەنە بىر بەندىنىڭسىججىن :ئەمىلىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىدۇ ۋە ئۇ ئەمەلنى ئاز سانايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ‹سىلەر مېنىڭ بەندەمنىڭ ئەمىلىنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرسىلەر. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىمەن، ئۇ بەندىنىڭ ئەمىلىنى كۆپەيتىڭلار ۋە ئۇنى .»دە قىلىڭلار› دەيدۇئىللىييىن

ھەسەن ئەلبەسرىي ئېيتۇر: «ئاللاھ تائالانى تاشلاپ ئىبادەت قىلىنىدىغان بىر دەرەخ بار ئىدى. بىر ئادەم ئۇ دەرەخنىڭ يېنىغا كېلىپ، كۆڭلىدە: ‹مەن بۇ دەرەخنى كېسىپ تاشلايمەن› دېدى ۋە ئۆيىگە بېرىپ پالتا ئېلىپ، ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن غەزەپلىنىپ ئۇ دەرەخنى كېسىش ئۈچۈن ماڭدى. يولدا شەيتان :ئۇنىڭغا ئىنسان سۈرىتىدە ئۇچرىشىپ

-). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلە132( )؛ دارەقۇتنىي2603( ،»تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت

.) ‹زەئىف› دېگەن5154 ،»تۇززەئىفە ): «تارچىلىق؛ جەھەننەمدىكى بىر ۋادىنىڭ ئىسمى؛ فاجىرلەرنىڭ روھلىرىنىڭُلاِّس ِسِِّج�ُِني( سىججىن

بارار جايى؛ يامانلارنىڭ نامەئى ئەئمالى ئورۇن ئالغان يەر» دېگەن مەنىدىكى «قۇرئان . ت— .440/7 ،»ئاتالغۇسى. قاراڭ: شەۋكانىي: «فەتھۇلقەدىر ِعِّلّž يُون): ‹ئۈستۈن، يۇقىرى جاي؛ يەتتىنچى ئاسمان؛ مۇئمىنلەرنىڭ( ئىللىييىن / ئىللىييۇن

روھلىرىنىڭ بارار جايى؛ ئىتائەتمەنلەرنىڭ نامەئى ئەئمالى ئورۇن ئالىدىغان يەر› دېگەن

.). تابىئىنلەردىن زەمرە ئىبنى ھەبىبتىن مۇرسەلدۇر452( ،»ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد

— قەيەرگە، نېمە قىلىش ئۈچۈن ماڭدىڭ؟ — دېگەنىدى، ئۇ كىشى:

— ئاللاھ تائالانى قويۇپ ئىبادەت قىلىنىدىغان ھېلىقى دەرەخنى كېسىپ تاشلىغىلى ماڭدىم — دېدى.

، سەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلمىغاندىكىن، باشقىلار ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلسا— !ساڭا نېمە زىيىنى؟

. مەن ئۇ دەرەخنى چوقۇم كېسىپ تاشلايمەن— دەرەخنى كېسىپ تاشلاشتىن ياخشىراق بىر ئىشنى كۆڭلۈك تارتامدۇ؟ كەل— سەن ئۇ دەرەخنى كېسىپ تاشلىمىغىن، ھەر كۈنى تاڭ ئاتقاندا ياستۇقۇڭنىڭ. ئاسىتدا ئىككى تىللا پەيدا بولسۇن

بۇنىڭغا كىم كېپىل؟—

. مانا مەن كېپىل—

شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى دەرەخنى كەسمەي قايتىپ كەتتى ۋە تاڭ ئاتقاندا ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ئىككى تىللا تاپتى. ئۇنىڭ ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ھېچنەرسە تاپالمىدى. ئاندىن ئۇ ئادەم قاتتىق غەزەپلىنىپ دەرەخنى :كېسىش ئۈچۈن ماڭدى، (بۇ چاغدا) شەيتان ئۇنىڭغا ئۆز سۈرىتىدە كۆرىنىپ

— يول بولسۇن، قاياققا؟ — دېدى. ئۇ كىشى:

ئاللاھ تائالانى قويۇپ ئىبادەت قىلىنىدىغان ئۇ دەرەخنى كېسىپ— : دېدى. شەيتان ئۇنىڭغا— تاشلىماقچىمەن

دېدى — يالغان ئېيتما! سەن ئۇ دەرەخنى كېسىپ تاشلىيالمايسەن— لېكىن، ئۇ كىشى دەرەخنى كېسىپ تاشلاش ئۈچۈن مېڭىۋىدى، شەيتان ئۇنى يەرگە يىقىتتى ۋە ئۇنىڭ گېلىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالدى. ئاندىن :شەيتان ئۇنىڭغا

دېدى ۋە ئۆزىنىڭ شەيتان ئىكەنلىكىنى— مېنىڭ كىملىكىمنى بىلەمسەن؟— سەن ئاۋۋالقى قېتىمدا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن غەزەپلىنىپ كەلگەن— :خەۋەر قىلىپ. ئىدىڭ، ئۇ چاغدا مېنىڭ سېنى بويسۇندۇرۇشقا ھېچقانداق كۈچۈم يوق ئىدى .مەن سېنى ئىككى تىللا بىلەن ئالدىسام، دەرەخنى كېسىشتىن ۋاز كەچتىڭ ئىككى تىللانى ياستۇقۇڭنىڭ ئاستىدا تاپالمىۋىدىڭ، شۇ ئىككى تىللا ئۈچۈن.» دېدى— غەزەپلىنىپ كەلدىڭ، شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا ھۆكۈمران قىلىندىم

مەئرۇف ئەلكەرخىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئى نەپسىم! ئىخلاس. قىلغىن، دوزاختىن خالاس بولىسەن» دەيتتى

ئەبۇ سۇلايمان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر قەدەم ئالسا شۇ قەدىمىنى .»ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى كۆزلەپ ئالغان كىشىگە خۇش مۇبارەك بولسۇن، ھېكايە قىلىنىدۇكى، «بىر ئەر ئايالچە كىيىنىپ سىرتقا چىقاتتى ۋە توي ماتەم دېگەندەك سورۇنلارغا ئاياللار بىلەن بىللە قاتنىشاتتى. بىر كۈنى ئاياللار :توپلانغان بىر سورۇنغا كەلدى، ئۇ سورۇندا بىر تال گۆھەر ئوغۇرلاندى. ئاياللار -‹ئىشىكنى ئېتىڭلار، بىز ئاختۇرۇش ئېلىپ بارىمىز› دەپ توۋلىدى. ئاياللار بىر بىرلەپ ئاختۇرۇلۇپ نۆۋەت ئايالچە كىيىنىۋالغان ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر ئايالغا كەلدى، ئاندىن ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدى ۋە ‹ئەگەر مەن بۇ رەسۋالىقتىن قۇتۇلۇپ قالسام، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى ئىككىنچى قىلمايمەن› دېدى. ئاندىن ھېلىقى گۆھەر ئۇنىڭ يېنىدىكى ئايالنىڭ يېنىدىن تېپىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاختۇرغۇچىلار: ‹بىگۇناھ ئايالنى .»قويۇۋېتىڭلار، گۆھەرنى تاپتۇق› دېدى

ئىخلاسنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “ئىخلاسنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانى”

شۇنى بىلگىنكى، ھەرقانداق نەرسىگە باشقا نەرسىنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. دېمەك، ئارالاشمىسىز، سۈزۈك ۋە ساپ بولغاندا «ئىخلاس» دەپ. ئاتىلىدۇ شېرىك ئىخلاسنىڭ زىتىدۇر. ئىخلاسمەن بولمىغان كىشى مۇشرىك بولىدۇ .لېكىن، شېرىكنىڭ بىرنەچچە دەرىجىلىرى بولىدۇ. تەۋھىدتىكى ئىخلاسنىڭ قارىمۇقارشىسى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر.

شېرىكنىڭ بەزىسى ئاشكارا، بەزىسى يوشۇرۇن بولىدۇ. ئىخلاسمۇ ھەم. شۇنداقتۇر. بىز ئىلگىرى رىيانىڭ دەرىجىلىرىنى ئۆز بابىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق نۆۋەتتە ئىبادەت قىلىش مەقستىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەن، لېكىن رىياكارلىق ياكى .ئۇنىڭدىن باشقا نەپسانىيەت ئارىلىشىپ قالغان كىشى ھەققىدە سۆز قىلىمىز

مەسىلەن، روزا تۇتۇپ ھاسىل بولغان چىدامچانلىقى بىلەن باشقا ئىشلاردىن

. بەتلەر- 33 ،- 32 ،»ئىبنۇلجەۋزىي: «تەلبىسۇ ئىبلىس

پايدىلىنىش مەقسىتىدە روزا تۇتۇش ياكى بىر قۇلنى ئۇنىڭ چىقىمى ۋە يامان ئەخلاقىدىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە ئازاد قىلىش؛ سەپەر قىلىپ كۆپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق مىزاج ساغلاملىقىنى كۆزلەپ ۋەيا ئۆزى گىرىپتار بولغۇسى يامانلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەج قىلىش؛ ئۇرۇشقا تەييارلىنىش ئۈچۈن چېنىقىش بالا ۋە- ۋە ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن غازات قىلىش، ياكى خوتۇن ئۆيۋاقىنى قوغداش ئۈچۈن ئويغاق بولۇش مەقسىتىدە كېچىدە ناماز ئوقۇش؛ تۇرمۇشىنى قولاي قامداش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىش ياكى ئاڭلاتقانسېرى سۆيۈنۈش. ئۈچۈن ئەستايىدىل دەرس ئۆگىتىش ۋە شۇنىڭدەك ئىشلار

بىر كىشىنىڭ مەقسىتى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بولسا، لېكىن ئۇ كىشىنى شۇ ئىبادەتنى قىلىشقا قوزغىغان تۈرتكىگە مۇشۇ ئويلاردىن بىرەرسى قوشۇلۇپ، نەتىجىدە ئۇ ئىبادەتنى قىلىش ئۇنىڭغا يەڭگىل بىلىنگەن بولسا، ئۇ .كىشىنىڭ ئەمىلى ئىخلاس چېگراسىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ ئىنساننىڭ ھېچبىر ئىشى ۋە ھېچبىر ئىبادىتى بۇ ئىشلاردىن ئايرىلالمايدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن، «بىر كىشىنىڭ ئۆمرىدە كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقتى خالىس ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن بولسا، ئازابتىن قۇتۇلىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇنداق بولۇشى چىن ئىخلاسنىڭ تولىمۇ كەم ئۇچرايدىغانلىقى، قەلبنى بۇ ئامىللاردىن پاكىزلەشنىڭ تەس بولغانلىقى ئۈچۈندۈر. چۈنكى، پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا يېقىنلىق. ئىزدەش تۈرتكە بولغان ئەمەل خالىس ئەمەلدۇر.

سەھل تۇستەرىيدىن: «قايسى نەرسە ئىنسان نەپسىگە ئەڭ قىيىن؟» دەپ سورىغانىدى، ئۇ: «ئىخلاس قىلىش. چۈنكى، نەپسىنىڭ ئىخلاس قىلىشتا. نېسىۋىسى يوق» دەپ جاۋاب بەردى

ئىخلاسنى بۇزغۇچى ئامىللار

بۆلۈم: “ئىخلاسنى بۇزغۇچى ئامىللار”

شۇنى بىلگىنكى، ئىخلاسنى بۇزغۇچى ئامىللار خىلمۇخىلدۇر. ئۇنىڭ بەزىسى ئاشكارا، بەزىسى يوشۇرۇندۇر. بىز رىياكارلىقنىڭ دەرىجىلىرىنى ئۆز ئورنىدا بايان. قىلىپ ئۆتتۇق

رىيالار ئىچىدە چۈمۈلىنىڭ مېڭىشىدىنمۇ يوشۇرۇن رىيالار بار. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئىبادەت قىلغۇچى- تەپسىلاتى سۆزلىنىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئەمەل - قىلىۋاتقان ئىبادىتىنى ئىنساننىڭ كۆرۈشى بىلەن ھايۋاننىڭ كۆرۈشى باشقا. باشقا دەپ قارىسا، ئۇنداق كىشى چىن ئىخلاسمەنلىكتىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ

ئىبادەتنىڭ نازۇك تەرەپلىرىگىچە قارىغان، ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھلاردىن

ساقلىشى ۋە ياخشى ئىشلارغا تەۋپىق بېرىشى بىلەن بەختلىك بولغان كىشىلا. شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ئامان قالىدۇ

«ئالىمنىڭ ئىككى رەكئەت نامىزى جاھىلنىڭ يەتمىش رەكئەت نامىزىدىن، ئەۋزەلدۇر» دېيىلىدۇ. يەنى، ئۇ ئالىم ئەمەللەرنىڭ نازۇك ئاپەتلىرىگىچە قاراپ ئەمەللەرنى بۇزغۇچى ئاپەتلەردىن قۇتۇلغان ئالىمدۇر. جاھىل بولسا ئىبادەتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا قارايدۇ. باھالىغۇچى رازى بولىدىغان بىر قىيرات ئالتۇن. ئاسان ئالدىنىپ قالىدىغان، دۆت ئادەم رازى بولىدىغان بىر تىللادىن ياخشىدۇر

پەسىل: ئىخلاسقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئارىلاشقان ئەمەلنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇ ئەمەلگە ساۋاب بېرىلىشنىڭ تەپسىلاتى

بۆلۈم: “پەسىل: ئىخلاسقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئارىلاشقان ئەمەلنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇ ئەمەلگە ساۋاب بېرىلىشنىڭ تەپسىلاتى”

پەقەت رىيا ئۈچۈن ئەمەل قىلغۇچىغا ئۇ ئەمەل پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زىيانلىقتۇر. پەقەت ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلىنغان ياخشى ئەمەل ساۋابقا. ئېرىشتۈرگەندەك، رىيا ئۈچۈنلا قىلىنغان ئەمەل رىياكارنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ بۇ ئىككىسىدە ھېچقانداق مۈجمەللىك يوقتۇر. ئەمما، رىيا ۋە نەپس ئارىلىشىپ قالغان ئەمەل ھەققىدە ئالىملار ئارىسىدا: «بۇنداق ئەمەلگە ساۋاب بېرىلەمدۇ ياكى جازامۇ؟ ياكى ھېچنېمە بېرىلمەمدۇ؟» دېگەن خۇسۇستا بىرنەچچە خىل قاراشلار. بار

. بىرىگە زىت، ئوخشىمىغان قاراشلار باردۇر- بۇ خۇسۇستا بىر

ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى— بۇ خۇسۇستا بىزگە ئېنىق بولغان قاراش - ئىبادەتكە تۈرتكە بولغان ئامىلغا قاراشتۇر. ئەگەر ئەمەل- ئەمەل— بىلگۈچىدۇر، ئىبادەتكە تۈرتكە بولغان دىنىي ئامىل نەپسانىي ئامىل بىلەن تەڭ بولسا - بىرىگە قارشىلىشىدۇ ۋە ئىككىلىسى يىقىلىدۇ. بۇ ھالدا ئەمەل- ئىككىسى بىر ئىبادەت ئۇنى قىلغۇچىغا نە زىيانلىق، نە پايدىلىقتۇر. ئەگەر رىياكارلىق تۈرتكىسى كۈچلۈك بولسا، كىشىگە قىلغان ئەمىلى زىيان يەتكۈزىدۇ ۋە ئۇ كىشىنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ ئازاب پەقەت رىيا ئۈچۈنلا قىلىنغان ئەمەلنىڭ، جازاسىدىن تۆۋەندۇر. ئەگەر دىنىي تۈرتكە نەپسانىي تۈرتكىدىن كۈچلۈك بولسا :ساۋابمۇ شۇنىڭغا قارىتا كۆپ بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن «ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى «4نىسائ-40» جەننەت) ئاتا قىلىدۇ بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ سۆزگە ئۈممەتنىڭ بىردەك ئىجمائسى دەلىلدۇر.

يەنى بىر كىشى يېنىغا تىجارىي مال ئېلىپ ھەجگە چىققان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان ھەجى توغرىدۇر، ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىلىدۇ. ھالبۇكى، تىجارىي مال بىلەن ھەج سەپىرىگە چىققان كىشىنىڭ ھەجىگە بىر نەپس ئارىلاشقان بولىدۇ. لېكىن، ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە يول ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان ئەسل ئامىل ھەج بولسا، قىلغان سەپىرى ساۋابتىن خالىي قالمايدۇ. شۇنىڭدەك غازى كىشى ئۇرۇش قىلىش ۋە غەنىيمەت ئېلىشنى نىيەت قىلسا، غەنىيمەت ئېلىشنى نىيەت قىلىش ئۇرۇش، قىلىشقا قوشۇمچە ئەگىشىپ كەلگەن بولسا، ئۇ كىشىگە ساۋاب يېزىلىدۇ. لېكىن ئۇ كىشىنىڭ ساۋابى ئەسلا غەنىيمەتكە قارىمىغان كىشىنىڭ ساۋابىغا باراۋەر. بولمايدۇ ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

راستچىللىق، ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى :ئۈچىنچى پەسىل

«سەھىھەين»دە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ. دەيدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دائىما راستچىل بولۇڭلار چۈنكى، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. بىر ئادەم داۋاملىق راست سۆزلەپ، راستچىل بولۇشقا تىرىشسا، ئاخىرى ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ‹راستچىل› دەپ يېزىلىدۇ» دېگەن.

بىشر ھافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھقا راستچىللىق بىلەن.»مۇئامىلە قىلسا، كىشىلەردىن ئۆزىنى يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ

راستچىللىق كەلىمىسى بىرنەچچە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ:

،بىرىنچى: سۆزىدە راستچىل بولۇش. ھەربىر بەندە سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى پەقەت راستچىللىق بىلەن گەپ قىلىشى لازىم. ئېغىزدا راستچىل بولۇش راستچىللىق ئىشارە، كىنايە بىلەن گەپ- تۈرلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ ئاشكارىسىدۇر. ئىما قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى، ئۇ يالغانچىلىققا ئوخشايدۇ. لېكىن، ھاجەت ئىشارە، كىنايىلىك سۆزلەرگە يول باردۇر. چۈنكى، شارائىت- چۈشسە، ئىما بەزىدە بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غازات، قىلماقچى بولسا، دۈشمەن خەۋەر تېپىپ تەييارلىق قىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن. ھۇجۇم قىلماقچى بولغان نىشاننىڭ نامىنى باشقا نىشان بىلەن يوشۇراتتى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى ياكى ياخشى سۆزلەرنى— ياراشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى سۆزلەرنى توشۇغان.» ئادەم يالغانچى ھېسابلانمايدۇ—قىلغان

ئىنسان ئۆزىنىڭ: «مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلەردىن ئەمەسمەن» «6ئەنئام-79» دېگەن سۆزىگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارىغا پىچىرلىغاندىمۇ گەپلىرىدە راستچىللىق مەنىسىگە رىئايە قىلىشى لازىم.

ئەگەر كىشىنىڭ قەلبى دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئاللاھ تائالادىن يۈز. ئۆرۈگەن بولسا، ئۇنداق كىشى يالغانچى ھېسابلىنىدۇ

ئىككىنچى: نىيەت ۋە ئىرادىدە راستچىل بولۇش. يەنى ئىخلاسمەن بولۇش ئەگەر قىلغان ئەمىلىگە كىچىككىنە نەپس ئارالاشسا، نىيەتنىڭ راستچىللىقى يوقىلىدۇ. ئۇنداق ئەمەل قىلغۇچى رىياكار ئالىم، قارىي ۋە مۇجاھىد ھەققىدە يالغانچى بولىدۇ. قارىي كىشى ئاللاھ تائالاغا «مەنكەلگەن ھەدىستىكىدەك سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇدۇم» دېگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئوقۇغان قۇرئانىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە نىيتىنى يالغانغا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ. مۇجاھىد ۋە ئالىم ئىككى ھەمراھىنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ

ئۈچىنچى: نىيەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشتا راستچىل بولۇش

نىيەت قىلىشتا راستچىل بولۇشقا كەلسەك، مەسىلەن بىر كىشى «ئەگەر ئاللاھ ماڭا مال بەرسە، ھەممىسىنى سەدىقە قىلاتتىم» دەيدۇ. بۇ ئىرادە راست بولۇشىمۇ .ۋە ئۇنىڭدا ئىككىلىنىش بولۇشىمۇ مۇمكىن

نىيەتكە ۋاپا قىلىش بولسا ئىرادىسىدە راستچىل بولۇش ۋە قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ نەپسىگە سېخىيلىق قىلىش قاتارلىقلار دېگەندەك. چۈنكى، ھەقىقەت ۋە ئىرادىلەر ئەمەلىي بولسا ۋە نەپس شەھۋەتكە غالىب كەلسە بۇنى ھېچ «مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدە :قىيىنچىلىقسىز قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا

). ئۇقبەنىڭ قىزى ئۇممۇ گۈلسۈم2605( )؛ مۇسلىم2692( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي. رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى ) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر1905( مۇسلىم

سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ‹ئالىم› دېيىشىنى كۆزلەپ ‹قۇرئان› ئوقۇغان ۋە ئۆگەتكەن قارىي؛ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ‹پۇل سەرپ قىلىدىغان سېخىي› دېيىشىنى كۆزلەپ پۇل سەرپ قىلغان باي؛ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ‹ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان باتۇر› دېيىشىنى كۆزلەپ جىھاد قىلغان مۇجاھىد. ئەنە شۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى .»قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئوتى ئەڭ بۇرۇن تۇتىشىدىغان كىشىلەردۇر

(رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شەھىد بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شەھىد بولدى، بەزىسى (شەھىد بولۇشنى) كۈتمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز . دەيدۇ «33ئەھزاب-23» ئۆزگەرتكىنى يوق

ئاللاھ تائالا: «ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر قىلدى» «9تەۋبە-77» يەنە باشقا ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا (يەنى رىزقىمىزنى كەڭ قىلسا) ئەلبەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلبەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان (يەنى باي قىلغان) چاغدا، بېخىللىق قىلىشتى (يەنى ئەھدىنى بۇزۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى). ئۇلار (سەدىقە قىلىمىز، ياخشىلاردىن بولىمىز دەپ) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، (ئىمانىنى، ئېھسانىنى دەۋا قىلىشتىكى) يالغانچىلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا (يىلتىز تارتىپ) تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئىشىنىڭ) ئاقىۋىتى. تۆتىنچى: ئەمەللەردە راستچىل بولۇش. يەنى كىشىنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرى بىلەن ئاشكارا ئىشلىرىنىڭ باراۋەر بولۇشىدۇر. شۇندىلا ئۇنىڭ خۇشۇئ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاشكارا ئەمەللىرى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئەمىلىگە دالالەت قىلمايدۇ ۋە يوشۇرۇن. ئەمىلى ئاشكارا ئەمىلىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالمايدۇ

مۇتەررىف رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر بەندىنىڭ يوشۇرۇن ئەمىلى بىلەن ئاشكارا ئەمىلى باراۋەر بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ مېنىڭ ھەقىقىي بەندەم.»دەيدۇ

بەشىنچى: دىندا راستچىل بولۇش. بۇ بولسا راستچىللىق دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ ئالىيسىدۇر. مەسىلەن، ئاللاھ تائالادىن قورقۇش، ئۈمىدۋارلىق، زاھىدلىق، رازى بولۇش، ياخشى كۆرۈش ۋە تەۋەككۈل قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا راستچىل بولغانغا ئوخشاش. چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ پرىنسىپلىرى بار بولۇپ، بۇلار نامايان بولغىنىدا ئۇنىڭغا ئىسمى قوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭ غايە ۋە ھەقىقەتلىرى بولىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ. ھەقىقىتىگە يەتكۈچى ھەقىقىي راستچىل كىشى ھېسابلىنىدۇ

بىر ئىشنى مۇكەممەل قىلغان كىشى ‹راستچىل› دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا «سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ :مۇنداق دېگەن، ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە ،كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش

ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش-ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبنى سەبىللەرگە (يەنى پۇل-مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل-مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر» «2بەقەرە-177».

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، (ھەقىقىي) مۇئمىنلەر ئاللاھقا ۋە». ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان «49ھۇجۇرات-15» دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر

ئاللاھ تائالا: «قورقۇشقا دائىر بىر مىسال غا ئىمان ئېيتقان ھەرقانداق بەندە ھەقىقىي قورقۇش دەرىجىسىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇ «قورققۇچى» دەپ تەرىپلەنگۈدەك دەرىجىدە ئاللاھ تائالادىن قورقىدۇ. ئىنساننىڭ سۇلتان ئالدىدا قورقۇپ سارغىيىپ، بىرەر خاتالىق سادىر قىلماقتىن ئەنسىرەپ، تىترەپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟! ئىنسان دوزاختىن قورقىدىغان تۇرۇپ، گۇناھ قىلغاندا دوزاختىن قورقۇش ئالامىتى ئاشكارا بولمايدىغان ئىش بولامدۇ؟! شۇنىڭ ئۈچۈن، ئامىر ئىبنى ئابدۇقەيس: «جەننەتنى تىلىگۈچىنىڭ ۋە دوزاختىن. قاچقۇچىنىڭ ئۇخلاپ قالغىنىدىن ھەيرانمەن» دېگەنىكەن». دادىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىش بەكمۇ تەس. بۇ ماقاملارغا- بۇ ئىشلاردا ھەق تولۇق يەتمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ چېكىنى بىلگىلى بولماس. لېكىن، ھەركىم ئۆزىنىڭ، ئاجىز ياكى كۈچلۈك بولۇشغا قارىتا بۇلاردىن نېسىۋە ئالىدۇ. كۈچلۈك بولسا ،«راستچىل» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر بەندىنىڭ راستچىللىقىنى بىلسە .ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ. بۇ دەرىجىلەرنىڭ ھەممىسىدە راستچىل بولغۇچى كەم ئۇچرايدۇ بىر بەندە بۇ دەرىجىلەرنىڭ بەزىسىدە راستچىل بولۇشى مۇمكىن. ھەممىسىدە .راستچىل بولۇش ئەڭ مۇكەممەل راستچىللىقتۇر

مۇسىبەتلەرنى يوشۇرۇش ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنى- ئىبادەتلەر، دەرد- تائەت. بىلىپ قېلىشىنى خاھلىماسلىقمۇ راستچىللىقنىڭ ئالامىتىدۇر

ئىزاھاتلار:

  • [1] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1)؛ مۇسلىم (1907). ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • [2] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7458)؛ مۇسلىم (1904). ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • [3] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4423)؛ مۇسلىم (1911). جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • [4] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6491)؛ مۇسلىم (131). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
  • [5] ئەھمەد (18053)؛ ئىبنى ماجە (4228). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن؛ ئالبانىي: «سەھىھۇ سۈنەنى ئىبنى ماجە» (3406) دە: «سەھىھ» دېگەن.
  • [6] تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر» (5809)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (6445). ئالبانىي «زەئىفۇلجامىئ» (5976) دە: «زەئىف» دېگەن. سەھل ئىبنى سەئد ۋە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايىتى.
  • [7] بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (6443، 6444). بەيھەقىي «مۇرسەل» دېگەن. ئالبانىي: «زەئىفۇلجامىئ» (240) دە: «زەئىف» دېگەن.
  • [8] قاراڭ: شەۋكانىي: «فەتھۇلقەدىر»، 7/444.
  • [9] ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد» (452). تابىئىنلەردىن زەمرە ئىبنى ھەبىبتىن مۇرسەلدۇر.
  • [10] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6094)؛ مۇسلىم (2607).
  • [11] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2947، 2948)؛ مۇسلىم (2769). كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • [12] مۇسلىم (1905). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.

يىگىرمە توققۇزىنچى بۆلۈم: ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش ۋە ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش (مۇراقىبە ۋە مۇھاسەبە)

بۆلۈم: “يىگىرمە توققۇزىنچى بۆلۈم: ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش ۋە ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش (مۇراقىبە ۋە مۇھاسەبە)”

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەركىمنىڭ». قىلغان ياخشى ۋە يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، ئۇلار (يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى) ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ «3ئال ئىمران-30» ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز» «21ئەنبىيائ-47».

، ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ نامە-ئەمەلى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ». !گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە ،بۇ نامە-ئەمەلگە چوڭ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟» دەيدۇ ،ئۇلار قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە-ئەمەلىگە خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ «18كەھف-49» پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ». نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش «99زەلزەلە-6-8» قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ

بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلەر ئاخىرەتتىكى ھېساب ئېلىشنىڭ خەتىرىنى بايان قىلىدۇ. ئەقىل ئىگىلىرى بۇ خەتەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنىڭ «نەپسىدىن »ھېساب ئېلىش ۋە ئاللاھ تائالانى راستچىللىق بىلەن كۆز ئالدىدا تۇتۇش. ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ

دۇنيادا نەپسىدىن ھېساب ئالغان كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى ھېسابى يەڭگىل بولىدۇ. قايتىدىغان ئورنى گۈزەل بولىدۇ. نەپسىدىن ھېساب ئېلىشقا سەل قارىغان

. نادامىتى داۋام قىلىدۇ- كىشىنىڭ ھەسرەت

ئىبادەتال- ئەقىل ئىگىلىرى ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن پەقەت تائەت قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سەبر قىلىش ۋە چېگرا ساقلاپ. جىھادقا تەييار تۇرۇشقا بۇيرۇدى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! تائەت ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەبر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە قارشى زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار)» «3ئال ئىمران-200».

،ئىلگىرىكىلەر ئاۋۋال نەپسىلىرىگە شەرت قويۇش، ئاندىن ئۇنى كۆزىتىش ئاندىن ھېساب ئېلىش، ئاندىن جازالاش بىلەن نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىشقا تەييار تۇردى. شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئالتە دەرىجىدە جىھادقا تەييار تۇردى. بۇ دەرىجىلەرنىڭ يىلتىزى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشتۇر. لېكىن، ھەرقانداق ھېساب ئېلىش نەپسكە شەرت قويۇش ۋە نەپسنى كۆزىتىشتىن كېيىن بولىدۇ. ئاندىن كېيىن زىيان تارتقاندا نەپسكە كايىش ۋە ئۇنى جازالاش كېلىدۇ. بۇ دەرىجىلەرنى .چۈشەندۈرۈش بەك مۇھىمدۇر

نەپسكە شەرت قويۇش:بىرىنچى دەرىجە

خۇددى سودىگەر پايدا ئېلىش ئۈچۈن تىجارەتتىكى شېرىكىدىن گاھ ياردەم پات ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىپ- تەلەپ قىلىپ، گاھ ئۇنىڭغا شەرت قويۇپ، پات تۇرغىنىدەك، ئەقىلمۇ نەپس بىلەن شېرىكلىشىشكە، ئۇنىڭغا ۋەزىپىلەرنى يۈكلەشكە، شەرتلەرنى قويۇشقا، نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىشكە، نەپسىنىڭ خىيانەت قىلىشىدىن ۋە ئۆمۈرنى زايە قىلىۋېتىشدىن ئەنسىرىگەچكە ئۇنى دائىم كۆزىتىپ تۇرۇشقا، ئەمەل ئورۇندلاغاندىن كېيىن، نەپستىن ھېساب ئېلىش ۋە شەرت قىلغان نەرسىلەرگە ۋاپا قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا موھتاج بولىدۇ. ئەقىلنىڭ نەپس بىلەن «شېرىكلىشىپ قىلغان تىجارىتىنىڭ پايدىسى» ئەڭ ئالىي فىردەۋس. جەننىتىدۇر

بۇ بارىدا نەپسىدىن ئىنچىكە ھېساب ئېلىش دۇنيا پايدىلىرىدا نەپسىدىن ئىنچىكە ھېساب ئالغاندىن بەكرەك مۇھىمدۇر. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ھەربىر كەسكىن ئىرادىلىك كىشىنىڭ نەپسىدىن ھېساب ئېلىشتىن غاپىل قالماسلىقى، نەپسىنىڭ ھەرىكەتلىرى، جىم تۇرۇشلىرى ۋە

خىياللىرىغىچە ھەممىسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى ۋاجىبتۇر. چۈنكى، ئۆمۈر. نەپەسلىرىدىن ھەربىر نەپەس قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك گۆھەردۇر

بەندە بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، قەلبىنى بىر سائەت خىلۋەتتە قويۇپ، نەپسىگە شەرت قىلىپ: «مېنىڭ ئۆمۈردىن باشقا ھېچقانداق. مېلىم يوق، مالنىڭ دەسمايىسى يوقاپ كەتسە، قىلغان تىجارەت بىھۇدە بولىدۇ بۇ يېڭى بىر كۈندە ئاللاھ تائالا ماڭا مۆھلەت بەردى، مېنىڭ ئەجىلىمنى كېچىكتۈردى ۋە مېنى بۇ كۈن بىلەن تارتۇقلىدى. ئەگەر ئاللاھ مېنى قەبزى روھ قىلغان بولسا، ياخشى ئەمەل قىلىۋېلىشىم ئۈچۈن مېنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم قايتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولاتتىم! ئى نەپسىم! سىز ئۆلۈپ، دۇنياغا قايتا قايتۇرۇلدىڭىز. شۇڭا، بۇ كۈننى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىڭ! ئى سائەت24 سائەتتۇر. بەندىگە24 كۈندۈز- نەپسىم! شۇنى بىلىڭكى! بىر كېچە سەپ تىزىلغان ساندۇقلار يېيىلىدۇ. ئۇنىڭغا شۇ ساندۇقلاردىن- ئىچىدە سەپ بىرى ئېچىلىدۇ. بەندە بىر ساندۇقنى ئۆزىنىڭ شۇ سائىتىدە قىلغان، ياخشىلىقلىرىدىن نۇرغا تولغان ھالەتتە كۆرىدۇ. ئۇ نۇر دوزاخ ئەھلىگە بېرىلسە ئۇلار جەھەننەم ئازابىنىڭ ئەلىمىنى ئۇنتۇغۇدەك دەرىجىدە مەستخۇشلۇققا نائىل بولىدۇ. يەنە بىر بەندىگە بىر ساندۇق ئېچىلىدۇ. ئۇ ساندۇق قاپقاراڭغۇ بىر ساندۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىخسىغان سېسىق پۇراقلار ئەتراپقا تارايدۇ. ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئەتراپىنى قاپلايدۇ. بۇ بولسا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىنغان سائەتتۇر. ئاندىن ئۇ جەننەت ئەھلىگە تەقسىم قىلىنسىمۇ ئۇلارنىڭ كەيپىنى .بۇزىدىغان دەرىجىدە قورقۇنچ ۋە چۆچۈشكە گىرىپتار بولىدۇ

يەنە بىرىگە بىر قۇرۇق ساندۇق ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئۇنى قايغۇغا تاشلىغۇدەك ياكى خۇشال قىلغۇدەك ھېچنەرسە يوق ساندۇقتۇر. ئۇ بولسا ئىنسان مۇباھ نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولغان ياكى غاپىللىقتا ئۆتكۈزگەن، ياكى ئۇخلاپ قالغان سائەتتۇر. ئىنسان ئۇ سائەتنى ئېزگۈ ئەمەلسىز ئۆتكۈزۈۋەتكىنىگە ھەسرەت چېكىدۇ ۋە ئۇ كۆپ پايدا ئېلىشقا كۆزى يەتكەن ئىنسان پۇرسەت قولىدىن كەتسە .قايغۇرغاندەك قايغۇغا پاتىدۇ

كىشى مۇشۇنداق ۋاقىت خەزىنىلىرىگە يولۇقسا نەپسىگە: «سىز بۈگۈن ساقلاش. ساندۇقىڭىزنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشچانلىق قىلىڭ. ئۇنى بوش قويماڭ پاراغەتكە مايىل بولماڭ. ئەگەر بۇلارغا مايىل بولسىڭىز- ھۇرۇنلۇق، راھەت »باشقىلار ئېرىشەلەيدىغان ئىللىييىن دەرىجىسى قولىڭىزدىن كېتىپ قالىدۇ دېسۇن. سەلەف سالىھلەردىن بىرى: «ئى نەپسىم! يامان ئىش قىلغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى ئويلىغىن. گەرچە ئۇ ئەپۇ قىلىنسىمۇ، ئەمما ئاللاھنى كۆز

ئالدىدا تۇتۇپ ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابى ئۇنىڭ قولىدىن كەتتى ئەمەسمۇ؟ .دېگەنىكەن. مانا بۇ ئۇ كىشىنىڭ ۋاقىت ھەققىدە ئۆزىگە قىلغان ۋەسىيتىدۇر، ئاندىن بەدەندىكى يەتتە ئەزاغا، يەنى كۆز، قۇلاق، تىل، قورساق، ئەۋرەت قول ۋە پۇت قاتارلىقلارغا ۋەسىيەت قىلىنىدۇ. ئاندىن بۇ ۋەسىيەت نەپسكە تاپشۇرۇلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەزالار ئۇشبۇ مەڭگۈلۈك تىجارەتتە نەپسنىڭ خىزمەتچى .پۇقرالىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەزالار ئارقىلىق نەپسنىڭ ئىشلىرى مۇكەممەل بولىدۇ يەنە يەتتە ئەزاغا جەھەننەم ئىشىكلىرىنىڭ شۇ ئەزالارنىڭ سانىچە يەتتە ئىشىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. جەھەننەمنىڭ ئاشۇ ئىشىكلىرى بۇ ئەزالار بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەرگە تەيىن قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەزالارغا ئۆزىنى . مەئسىيەتلەردىن ساقلاشنى نەسىھەت قىلىدۇ- گۇناھ

كۆزنى قاراش ھارام نەرسىلەردىن ياكى مۇسۇلمانغا تۆۋەن كۆرۈش نەزەرى بىلەن قاراشتىن ۋە بارلىق بىھۇدە نەرسىلەرگە قاراشتىن ساقلاش ۋە پايدىلىق نەرسىلەرگە قاراش بىلەن مەشغۇل قىلىش كېرەك. كۆزگە پايدىلىقى بولسا ئاللاھ، تائالا ياراتقان ئاجايىپ نەرسىلەرگە ئىبرەت ئېلىش نەزەرى بىلەن قاراش ئەگىشىش ئۈچۈن ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە قاراش، ئاللاھ تائالانىڭ نەسىھەت ئېلىش ۋە- كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە قاراش، پەند پايدىلىنىش ئۈچۈن ھېكمەت كىتابلىرىنى كۆرۈش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل. قىلىشتۇر

ھەربىر ئەزاغا ئۆزىگە يارىشا نەسىھەتلەرنى قىلىش، بولۇپمۇ تىل ۋە قورساققا. نەسىھەت قىلىش كېرەك. بىز ئىلگىرى تىلنىڭ ئاپەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق تىلىنى تىل يارىتىلغان زىكىر ئېيتىش، باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش، ئۆگەنگەن، ئىلىملەرنى تەكرارلاش، بەندىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا يېتەكلەش ئاداۋەتلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان. باشقا ياخشى ئىشلارغا مەشغۇل قىلىش كېرەك

لەززەتلەردىن- شۈبھە ۋە كەيف- قورساقنى ئاچكۆزلۈكنى تاشلاش، شەك يىراق تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش، زۆرۈرىيەت مىقدارىدا تاماق يېيىش بىلەن كۇپايىلىنىش كېرەك. قورساق ئەگەر بۇلاردىن بىرەرسىگە قارشىلىق قىلسا، ئۇنى ،لەززەت بىلەن ئېرىشكەن نەرسىسىدىن كۆپرەك نەرسىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن. لەززەتتىن چەكلەش بىلەن جازالاشنى نەپسكە شەرت قىلىش كېرەك

بارلىق ئەزالارغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەسىھەتلەرنى قىلىشى كېرەك. تەپسىلىي ئىبادەت- سۆزلىسەك، گەپ بەك ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئومۇمەن، ئەزالارغا تائەت

مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشنى نەسىھەت قىلىش- قىلىش ۋە يوشۇرۇن گۇناھ. كېرەك

  • شۇنداقلا، قىلىشقا قادىر بولالايدىغان نەپلە ئەمەللەردىن ھەر كېچە كۈندۈزدە تەكرارلىنىدىغان ئىبادەت ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش نەپسكە نەسىھەت. قىلىنىدۇ

بۇ شەرتلەر ئىنسان نەپسى ئادەتلىنىشى ئۈچۈن ھەركۈنى موھتاج بولىدىغان شەرتلەردۇر. لېكىن، ھەركۈنى يېڭى يېڭى ھادىسىلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇ ھادىسىلەردە ئاللاھ تائالانىڭ ھەق بولغان يېڭى بىر ھۆكمى بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىگىدارچىلىق قىلىش ياكى تىجارەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن. شۇغۇللانغان كىشىلەرگە كۆپ ئۇچرايدۇ

چۈنكى، ھەربىر كۈن ئاللاھ تائالانىڭ ھەق ھۆكۈم چىقىرىشىغا موھتاج بولىدىغان يېڭى بىر ۋەقەلىكتىن خالىي بولمايدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن ئىنسان ئۆزىگە .توغرا يولدا بولۇش ۋە ھەقكە بويسۇنۇشنى شەرت قىلىشى كېرەك

شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەقىللىق كىشى — ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ، ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلغۇچىدۇر؛ ئاجىز كىشى بولسا، ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلىپ ئاللاھتىن ئۈمىد كۈتۈپ ياتقۇچىدۇر» دېگەن.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ھېساب ئېلىنىشىڭلاردىن ئىلگىرى ئۆزەڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار، ئۆلچىنىشڭلاردىن بۇرۇن نەپسىڭلارنى ئۆلچەپ )«بۇ كۈندە سىلەر (ئاللاھقا، بېقىڭلار، ئەڭ چوڭ كۆرسىتىلىشكە تەييارلىق قىلىڭلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) كۆرسىتىلىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ . دېگەن «69ھاققە-18» قالالمايسىلەر

ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش :ئىككىنچى دەرىجە

ئىنسان ئۆزىگە ۋەسىيەت قىلسا ۋە بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشلارنى نەپسىگە

). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى مەريەم دېگەن راۋىي17123( ئەھمەد

) «بۇ2459( :جەھەتتىن سەنەدى زەئىف، باشقا راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. تىرمىزىي ) «سەنەدى280/4 ،»)؛ ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك4260( ھەسەن ھەدىس» دېگەن.

ئەگەر نەپسىگە بۇ شەرتلەرنى شەرت قىلسا، نەپسىنى كۆزىتىش ۋە نەپسىگە قاراشتىن باشقا نەرسە قالمايدۇ. بۇ بولسا «ئېھسان» چۈشەندۈرۈلگەن سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئېھسان دېگەن نېمە؟» دەپ سورلاغان سوئالغا: «ئېھسان سېنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر، ئەگەر سەن ئاللاھ تائالانى دەپ جاۋاب بەرگەن. رەسۇلۇللاھ»كۆرمىسەڭمۇ، ئاللاھ تائالا سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ بۇ سۆزى بىلەن ئىبادەت قىلغان ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش ۋە .ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈكلۈكىنى قەلبىدە ھازىر قىلىشنى ئىرادە قىلغان.

رىۋايەت: «شىبلىي رەھىمەھۇللاھ ئەبۇلھۇسەين ئەننۇرىينىڭ يېنىغا كىرىپتۇ سىدىر قىلماپتۇ. شۇنىڭ– ئەبۇلھۇسەين جىمجىتقىنە ئولتۇرغان بولۇپ، مىدىر :بىلەن شىبلىي ئۇنىڭغا

دەپ— بۇ كۆز ئالدىدا تۇتۇش ۋە جىم ئولتۇرۇشنى كىمدىن ئۆگەندىڭ؟— :سوراپتۇ. ئەننۇرىي

، مۈشۈكتىن ئۆگەندىم، بىزنىڭ مۈشۈكىمىز چاشقان تۇتماقچى بولسا— چاشقان تۆشۈكىنىڭ بېشىدا جىممىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىر تال تۈكىمۇ .» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن— مىدىرلىمايدۇ

ئىنسان ئۆز نەپسىنى ئەمەل قىلىشتىن ئالدىن ۋە ئەمەل قىلىش جەريانىدا كۆزىتىشى، ئۇنى ئەمەل قىلىشقا نەپسىنىڭ خاھىشى ھەرىكەتلەندۈردىمۇ ياكى ئاللاھ تائالا ھەرىكەتلەندۈردىمۇ؟ بۇنى كۆزىتىشى كېرەك. ئەگەر ئاللاھ تائالادىن، قورقۇش ئۇنى ئەمەل قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگەن بولسا، ئۇ ئەمەلنى قىلىۋېرىشى .ئەگەر كۆڭۈل خاھىشى ھەرىكەتلەندۈرگەن بولسا، ئۇنى تەرك ئېتىشى كېرەك. مانا بۇ «ئىخلاس» دېيىلىدۇ

ھەسەن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئۆز نىيىتى ئۈستىدە توختاپ، ئەگەر نىيىتى ئاللاھ تائالا رىزالىقى ئۈچۈن بولسا، نىيەت قىلغان نەرسىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ئەگەر باشقا غەرەز ئۈچۈن بولسا، نىيەت قىلغان نەرسىسىنى .»كېچىكتۈرىدىغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

  • ئىبادەتتە ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇشى بولسا تائەت- بەندىنىڭ تائەت مەئسىيەتلەردە- ئىبادەتنى خالىس ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلىشتا بولىدۇ. گۇناھ ، مەئسىيەتكە تەۋبە قىلىش- ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش بولسا گۇناھ پۇشايمان قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىش بىلەن بولىدۇ. مۇباھ ئىشلاردا

ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇش بولسا ئەدەبلەرگە رىئايە قىلىش ۋە نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش بىلەن بولىدۇ. ھەرقانداق نېئمەتكە شۈكۈر قىلىش، ھەرقانداق مۇسىبەتكە سەبر قىلىش لازىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانى كۆز-بالا. ئالدىدا تۇتقانلىق بولىدۇ

ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكمەتلىرى ئىچىدە شۇ ھېكمەتلەر بار ئىدى: ‹ئەقىللىق كىشى تۆت سائەتتىن، غەپلەتتە قالماسلىقى كېرەك: بىرى پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىدىغان سائەت بىرى نەپسىدىن ھېساب ئالىدىغان سائەت، يەنە بىرى ئەيىبلىرىنى كۆرسىتىپ قويىدىغان قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا بارىدىغان سائەت ۋەيەنە بىرى ھالال ئىشلاردا »›ئۆز ئالدىغا پىنھان قالىدىغان بىر سائەت

بۇ ھەربىر سائەت باشقا سائەتلەرگە ياردەمچى بولىدۇ. ئىنسان نەپسىگە كۈچ ئىچمەك بىلەن مەشغۇل بولىدىغان سائىتى زىكىر ئوقۇش ۋە- توپلايدۇ. يېمەك، پىكىر قىلىش قاتارلىق ئەۋزەل ئەمەللەردىن خالىي قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى يېگەن تامىقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش بەدەن بىلەن قىلىنغان كۆپ ئەمەللەردىن. ئەۋزەلدۇر

ئۈچىنچى دەرىجە: ئەمەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش (مۇھاسەبە)

بۆلۈم: “ئۈچىنچى دەرىجە: ئەمەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش (مۇھاسەبە)”

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم». ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق «59ھەشر-18» خەۋەرداردۇر

بۇ ئايەت ئەمەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، نەپسىدىن ھېساب ئېلىشقا. ئىشارەتتۇر

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ھېساب. ئېلىنىشىڭلاردىن ئىلگىرى ئۆزەڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار» دېگەن، ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: «مۇئمىن كىشى نەپسىگە ھۆكۈمراندۇر مۇئمىن ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ» دېگەن ۋە يەنە: «مۇئمىننى ئۇشتۇمتۇت كەلگەن مۇسىبەت ئەجەبلەندۈرىدۇ. مۇئمىن ئۆزىگە مۇسىبەت يەتسە: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى مۇسىبەت! مەن سېنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم، مەن ساڭا موھتاج ئىدىم، لېكىن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ مېنىڭ بېشىمغا كېلىش قۇۋۋىتىڭ يوق ئىدى، چۈنكى مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا- ئۈچۈن ھېچ كۈچ. توسالغۇ بار ئىدى› دەيدۇ» دېگەندۇر

مۇئمىن ئۆزىدىن بىرەر خاتالىق سادىر بولسا، نەپسىگە قايتىپ: «مەن قەستەن خاتالىق ئۆتكۈزمەكچى ئەمەس ئىدىم، بۇ خاتالىقنىڭ مەندىن سادىر بولغىنى ياخشى بولمىدى، ئىنشائاللاھ بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى بۇ خاتالىقنى قىلمايمەن» دەيدۇ

مۇئمىنلەر «قۇرئان كەرىم» ئۆزىگە ئارغامچا بولغان كىشىلەردۇر. قۇرئان ئۇلارنى ھالاكەتتىن توسۇپ قالىدۇ. مۇئمىن دۇنيادا ئەسىرگە ئوخشاشتۇر. مۇئمىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىپ بولغۇچە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ئەمىن بولۇپ ياشىمايدۇ. مۇئمىن قىيامەت كۈنى قۇلىقى، كۆزى، تىلى .ۋە بەدەن ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىدىن سورىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ

بىلگىنكى، بىر كىشىنىڭ تاڭنىڭ دەسلىپىدە نەپسى بىلەن شەرتلىشىدىغان ۋاقتى بولغىنىدەك، كەچقۇرۇنمۇ نەپسىدىن ھېساب ئالىدىغان بىر ۋاقتى بولۇشى مۇھىمدۇر. ئۇ كىشى خۇددى دۇنيادا سودىگەرلەر شېرىكلىرى بىلەن ھەر يىلى ياكى ھەر ئايدا ۋەيا ھەر كۈندە بىر قېتىم ھېسابلاشقاندەك، ئۆزى قىلغان بارلىق. ئىشلاردىن ھېساب ئېلىشى لازىم

ھېساب ئېلىشنىڭ مەنىسى «مال كۆپەيدىمۇ ياكى كېمەيدىمۇ؟» بۇنىڭغا. قاراشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن «دەسمايىگە، پايدىغا ۋە زىيانغا» قاراش كېرەك. ئىنساننىڭ دىنىي مېلىنىڭ دەسمايىسى ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن پەرزلەردۇر - ئۇنىڭ پايدىسى نەپلە ۋە پەزىلەت ئەمەللەردۇر. ئۇنىڭ زىيىنى بولسا گۇناھ، مەئسىيەتلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىدىن ئەڭ ئەۋۋالا پەرزلەرنى ئادا قىلدىمۇ يوق؟ بۇنىڭدىن ھېساب ئالسۇن. ئەگەر گۇناھ قىلىپ سالغان بولسا، ئۇنى يۇيۇش. ئۈچۈن نەپسىنى جازالاش بىلەن مەشغۇل بولسۇن

رىۋايەت

تەۋبە ئىبنى سىممە رەققەدە ئىدى. ئۇ ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغان كىشى ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئۆمرىنى ھېسابلاپ 60 ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلدى، كۈنلىرىنى ھېسابلىۋىدى، 21 مىڭ 500 كۈن چىقتى. «ئەتتەڭەي!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى: «مەن ھەقىقىي پادىشاھ ئالدىغا 21 مىڭ 500 گۇناھ بىلەن بارارمەنمۇ؟! قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن، ھەركۈندە 10 مىڭ گۇناھ تۇرسا!» دەپ، ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى ۋە جان ئۈزدى. ئاندىن كىشىلەر غائىبتىن: «نېمىدېگەن گۈزەل ھە! ئۇ فىردەۋس ئەئلا جەننىتىگە يۈگۈرەپ كەتتى» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدى.

بەندە ھەرسائەتتە نەپەسلىرى، قەلب ۋە بەدەن ئەزالىرىنىڭ گۇناھلىرىغا قارىتا نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، ئىنسان ئۆزى قىلغان ھەربىر گۇناھ ئېۋەزىگە ھويلىسىغا بىر تاش ئاتسا ئىدى، ئازغىنە مۇددەتتە ھويلىسى مەئسىيەتلەرنى ھېسابلاشقا- توشۇپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن، ئىنسان گۇناھ. سەل قارايدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەپ قويۇلغاندۇر

ئاللاھ تائالا دەيدۇ: «ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ». (دۇنيادىكى چاغدا قىلغان) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى (نامە-ئەمەلىگە) خاتىرىلەپ قويغان، ئۇلار بولسا ئۇنتۇپ قالغان، ئاللاھ ھەممە «58مۇجادەلە-6» نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر

نەپسىنى ئۆتكۈزگەن كەمچىلىكلىرىگە بىنائەن جازالاش:تۆتىنچى دەرىجە

،شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ رىزاسىنى ئىرادە قىلغۇچى نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ نەپسىنىڭ كەمچىلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى ياكى گۇناھ قىلغانلىقىنى بىلسە، نەپسىگە بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى، نەپس گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭغا سەل قاراش كېيىنچە كۆپ گۇناھلارنى قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ قويىدۇ ۋە نەپسىنى گۇناھلاردىن تارتىش تەس بولىدۇ. بەلكى ئىنسان نەپسىنى خۇددى بالىسىنى ۋە ئايالىنى .جازالىغاندەك مۇباھ بولغان جازا بىلەن جازالىشى كېرەك، رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ بىر بېغىغا چىقتى .ئۆيىگە قايتقاندا كىشىلەر ئەسىر نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇپ بولغان ئىدى شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر كۆڭلىدە: ‹مەن باغقا چىقتىم، قايتقىنىمدا كىشىلەر ئەسىر ›نامىزىنى ئادا قىلىپ بوپتۇ، مېنىڭ بۇ بېغىم مىسكىنلەرگە سەدىقە بولسۇن.»دېدى ۋە باغنى مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىۋەتتى

لەيىس رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قېتىم جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بېغىنى مىسكىنلەرگە سەدىقە .»قىلىۋەتكەن

ئىشىتتۇقكى: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ شام نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماي، ئاسماندا ئىككى يۇلتۇز ئاشكارا كۆرۈنۈپ قالغان، ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شام نامىزىنى ئادا قىلىۋېلىپ.»ئۇنىڭ كەففارىتىگە ئىككى قۇل ئازاد قىلغان ئىدى

ھېكايە قىلىنىدۇكى: «تەمىم ئەددارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى ،تەھەججۇد ئوقۇغىلى قىيامدا تۇرالماي تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلاپ قالغان ئىدى

نەتىجىدە قىلغان شۇ ئىشىغا ئۆزىنى جازالاپ ئۇخلىماي، بىر يىل قىيامدا تۇرغان.»ئىدى

ھەسسان ئىبنى ئەبى سىنان بىر بالىخانىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «بۇ بالىخانا قاچان بىنا قىلىندى؟» دەپ سالىدۇ. ئاندىن نەپسىگە يۈزلىنىپ: «ئى نەپسىم! ساڭا پايدىسىز نەرسىنى سورامسەن؟! سېنى بىر يىل روزا تۇتۇش بىلەن ئازابلايمەن» دەپ بىر يىل روزا تۇتقان ئىدى

نەپسىنى بۇنىڭدىن باشقا شەرىئەتتە ھالال بولمايدىغان ئىشلار بىلەن ئازابلاش. ھارامدۇر

مىسال: بەنى ئىسرائىلدا بىر ئادەم بولۇپ، قولىنى ئۆزىگە ھارام بىر ئايالنىڭ. يوتىسىغا قويۇپ قېلىپ، ئېۋەزىگە قولىنى ئوتقا يېقىپ، پلاەچ بولۇپ قالغان يەنە بىرسى بىر ئايالنىڭ قېشىغا چۈشمەكچى بولۇپ ئىبادەتخانىسىدىن پۇتىنى »ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن ئويلىنىپ، كۆڭلىدە: «مەن نېمە قىلماقچى بولدۇم دېگەن ۋە پۇتىنى قايتۇرۇپ ئالماقچى بولغاندا، «ھەيھات! ئاللاھ تائالانىڭ »مەئسىيىتىگە چىققان بۇ پۇت مەن بىلەن ئىبادەتخانامغا قايتماسلىقى كېرەك دەپ، پۇتىنى ئىبادەتخانا سىرتىدا ساڭگىلىغان ھالەتتە قويۇپ قويغان ۋە ئۇ پۇت يامغۇر بىلەن شامالدا تىتىلىپ كەتكەن[4]. يەنە بىر ئادەم بىر ئايالغا قاراپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن. يۇقىرىقىدەك ئىشلار بىلەن گۇناھ قىلىپ قالسا، ئۆزىنى بۇنداق جازالاش ھارامدۇر. ئەلبەتتە بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ. شەرىئىتىدە دۇرۇس بولغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ھارامدۇر

ئۇلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يولىدا بىزنىڭ دىنداشلىرىمىزدىن بىر تۈركۈم. كىشىلەر ماڭدى. بۇ تامامەن نادانلىقتىندۇر

ھېكايە قىلىنىدۇكى، «غەزۋان دېگەن بىر زاھىد بىر ئايالغا قاراپ سالغان ۋە .»يۈزىگە كاچاتلاپ ئۇرۇپ كۆزى يارىلانغان. ئاڭلىشىمىزچە، بىر كىشى ھاۋا قاتتىق سوغۇق ۋاقىتتا ئېھتىلام بولۇپ قالىدۇ ،ئۇ كىشى سوغۇق سەۋەبلىك غۇسۇل قىلىشى كېچىككەنلىكىنى ھېس قىلىپ ياملاغان يۇڭ كىيىمى بىلەنلا يۇيۇنۇشقا، ئۇ كىيىمنى سالماسلىققا ھەم سىقماسلىققا دىن ئېغىر رەتل20 ،قەسەم قىلىدۇ. ئۇ يۇڭ كىيىم بەك قېلىن كىيىم بولۇپ

.)49( ،»)سبة انل فس حما( ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش .): ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، كەمچەن قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇُالِّر�ِŚطُْل / ُالَّرَŚطُْل( رەتل / رىتل

(يەنە بىر406.25 ،يۇرتلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ئادەتتە فىقھ كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنسا 1875 ) گرامغا تەڭ ئىراق ياكى باغداد رەتلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شام رەتلى382.5 قاراشتا. كېلەتتى

بۇ بولسا بىلىمسىزلىكتىن بولغان ئىشتۇر. ئىنسان ئۆز نەپسىگە بۇنداق ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. پېقىر «تەلبىسۇ ئىبلىس (ئىبلىسنىڭ ئازدۇرۇشى)» ناملىق كىتابىمدا نادانلارچە ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر سادىر قىلىدىغان مۇشۇنىڭغا. ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى بايان قىلدىم

نەپسكە قارشى جىھاد قىلىش:بەشىنچى دەرىجە

نەپسكە قارشى جىھاد قىلىش بولسا، ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىنسان ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ نەپسىنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىنى بىلسە، نەپسىنى جازالىشىدۇر. ئەگەر نەپسىنى پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بىرەرسىنى ياكى ۋىردلەردىن بىرەر ۋىردنى قىلىشتىن ھۇرۇنلۇق قىلغان ھالىتىدە كۆرسە، نەپسىنى ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدىغان ۋىردلەر بىلەن ئەدەبلىشى كېرەك. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىر قېتىم جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كېچىنى .تولۇق ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدى

ئەگەر نەپس ۋىردلەرنى قىلىشقا بويسۇنمىسا، نەپسكە قارشى جىھاد قىلىش ۋە .قولىدىن كېلىشىچە، نەپسنى شۇ ۋىردلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلاش كېرەك

ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ: «سالىھلەر ئۆزىنى ياخشىلىق قىلىشقا ھېچ مۇشەققەتسىز كۆندۈرەتتى. بىز بولساق ئۆزىمىزنى ياخشىلىق قىلىشقا مەجبۇرىي كۆندۈرىمىز» دېگەنىدى

ھەرىكەت، پەزىلەتلىرى ھەققىدە كەلگەن خەۋەرلەرنى- ئىبادەتگۇيلارنىڭ ئىش ئاڭلاش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىش ئۈچۈن ئۇلاردىن ھەمراھ بولۇشقا قادىر بولالىغان كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇش نەپسىنىڭ ئىبادەتلەرنى قىلىشىغا ياردىمى .بولىدىغان ئىشلار قاتارىدىندۇر، سەلەف سالىھلەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مەن ئىبادەت قىلىپ چارچىسام مۇھەممەد ئىبنى ۋاسىئنىڭ يۈزىگە ۋە ئۇنىڭ ئىبادەت قىلىشتىكى تىرىشچانلىقىغا.»قارايتتىم. ئەنە شۇ سەۋەبتىن يەنە بىر ھەپتە چارچاپ قالماي ئىبادەت قىلاتتىم

ُِمُْعْłجَُمُ ُمُصَطََلَŅحَاِتِ ا لُع ُ�لُوِم« : گرامغا تەڭ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا449.28 گرامغا، مىسىر رەتلى بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە- 841 ،») (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسىِلارَّشرِعِžيَِة رشعية ا لماك ييل وا لموازي ن لا« :؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە2017تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م .2021 . بەت، «دارۇلقۇدۇس نەشرىياتى»، قاھىرە. م- 29 ،»)(شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار . ت– ئامىر ئىبنى ئابدۇلقەيس رەھىمەھۇللاھ ھەر كۈنى مىڭ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. ئەسۋەد ئىبنى يەزىد رەھىمەھۇللاھ كۆكىرىپ، سارغىيىپ كەتكۈچە روزا تۇتاتتى.

مەسرۇق رەھىمەھۇللاھ ھەج قىلىش جەريانىدا پەقەت سەجدە قىلغان ھالەتتە .ئۇخلىغان ئىدى

داۋۇد ئەتتائىي رەھىمەھۇللاھ نان يېمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇۋىقىنى سۇغا چىلاپ ئىچەتتى ۋە شۇ ئارىلىقتا 50 ئايەت ئوقۇيتتى. كۇرز ئىبنى ۋەبرە ھەركۈنى قۇرئاننى ئۈچ قېتىم خەتمە قىلاتتى.

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە فەتىھ ئەلمەۋسىلىي ئىككىسى ئاللاھ تائالادىن. قورقۇپ قان يىغلايتتى

ئىلگىرىكىلەردىن 40 كىشى بامدات نامىزىنى خۇپتەن نامىزىنىڭ تاھارىتى بىلەن ئوقۇغان ئىدى.

ئەبۇ مۇھەممەد ئەلھەرىرىي مەككىدە بىر يىل تۇرىدۇ. ئۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇخلىمايدۇ ۋە سۆزلىمەيدۇ. تامغا يۆلەنمەيدۇ ۋە پۇتىنى سوزمايدۇ. ئەبۇبەكرى :ئەلكەتتانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇنىڭدىن

— بۇنىڭغا قانداق قادىر بولالىدىڭ؟ — دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ: — ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئىچىمنىڭ راستچىللىقىنى بىلدى، شۇڭا تاشقى ئەزالىرىمدا ماڭا ياردەم بەردى — دەپ جاۋاب بەردى.

كىشىلەر زەجلە دېگەن بىر ئابىدەنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۆزىگە يۇمشاقلىق قىلىشى ھەققىدە نەسىھەت قىلغانىدى. ئۇ ئابىدە: «كۈنلەر ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۈگۈن بىرەر ئىبادەت ئۆتۈپ كەتسە، ئەتە ئۇنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئەي قېرىنداشلىرىم! مېنى بەدىنىم كۆتۈرەلىسىلا، مەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ناماز ئوقۇيمەن، ھايات كۈنلىرىمدە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن روزا. تۇتىمەن، كۆزۈم قۇرۇپلا كەتمىسە يىغلايمەن» دېدى

كىمكى ئىبادەتگۇيلارنىڭ ئۆمۈر بايانلىرىغا قاراشنى، ئۇلارنىڭ نەپسكە قارشى جىھاد قىلىش بوستانلىقلىرىدا كۆڭۈل ئېچىشنى ئىستىسە، پېقىر يازغان «سىفەتۇسسەفۋە (سەرخىللارنىڭ سۈپەتلىرى)» ناملىق كىتابقا قارىسۇن. ئۇ كىتابتا ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى ئۆلۈكتەك ھېسابلايدىغان دەرىجىدىكى ئېسىل خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ. ھەمدە ئىبادەتگۇي ئاياللارنىڭ ئىبادىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزىنى ناھايىتى تۆۋەن كۆرۈشكە سەۋەب بولىدىغان خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ.

نەپسىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇنىڭغا كايىش:ئالتىنچى دەرىجە

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى »ھەققىدە ئۆزىنى يامان كۆرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنى ئەمىن قىلىدۇ .دېگەنىدى

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىككىمىز بىر باغقا كىرگەنىدۇق. مەن بىر تامنىڭ كەينىدە، ئۆمەر ئالدىدا ئىدى. شۇندا ئۆمەرنىڭ ئۆزىگە): ‹ئى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب! ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! ۋاھ، ۋاھ! ئاللاھ- (ئۆز بىلەن قەسەمكى، ئى خەتتابنىڭ ئوغلى! يا سەن ئاللاھ تائالادىن قورقىسەن، يا. ئاللاھ تائالا سېنى ئازابلايدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم» دېگەن

بەختەرىي ئىبنى ھارىس: «مەن بىر ئابىدنىڭ يېنىغا كىردىم، ئۇ ئالدىغا بىر ئوت يېقىپ، ئۆز نەپسىگە كايىۋاتقانىكەن، ئۇ توختىماي نەپسىگە كايىغان پېتى .ئۆلۈپ كەتتى» دېگەنىدى بەزىلەر ياخشىلار تىلغا ئېلىنسا «ئۇف! ئېسىت ماڭا، تۈفىي ماڭا!» دەيتتى.

بىلگىنكى، سېنىڭ ئەڭ يامان دۈشمىنىڭ نەپسىڭدۇر. نەپسىڭ بولسا يامانلىققا كۆپ بۇيرۇيدىغان ۋە يامانلىققا بەك مايىل بولىدىغان قىلىپ يارىتىلغاندۇر. سەن مەئسىيەتلەردىن يىراق قىلىشقا ۋە- نەپسىڭنى توغرىلاشقا، پاكلاشقا، گۇناھ زەنجىرلەپ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا يېتىلەشكە بۇيرۇلغانسەن. ئەگەر نەپسىڭگە سەل قارىساڭ، نەپسىڭ ھەددىدىن ئېشىپ تاپتىن چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن، كېيىن ئۇنى بويسۇندۇرمىقىڭ تەس بولىدۇ. ئەگەر نەپسىڭنى ئەيىبلەپ تۇرساڭ ئۇ خەۋپسىز نەپسكە ئايلىنىشى مۇمكىندۇر. شۇڭا، نەپسىڭگە ياخشىلىقنى ئەسلىتىشتىن غاپىل قالمىغىن. يەنى، نەپسىڭگە يۈزلەنگىن، ئۇنىڭ نادانلىقى ۋە !دۆتلۈكىنى ئۆزىگە ئىقرار قىلدۇرغىن. شۇنداقلا نەپسىڭگە دېگىنكى: «ئى نەپس ھە! سەن كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەخمەق ۋە ئەڭ- سەن نېمىدېگەن نادانسەن دۆت تۇرۇپ ئەقىللىقلىق ۋە زېرەكلىكنى دەۋا قىلامسەن؟ سەن ئۆزۈڭنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا ماڭغانلىقىڭنى بىلمەيسەن. ئىككىسىدىن قايسىسىغا كىرىدىغانلىقىنى تاماشا بىلەن مەشغۇل بولسۇن؟! سەن- بىلەلمىگەن كىشى قانداقمۇ ئويۇن ئەتە دۇنيادىن تېزلا ئېلىپ كېتىلىشىڭ مۇمكىن، كەلگۈلۈكلەرنىڭ تولىمۇ- بۈگۈن !يېقىنلىقىنى، ئۆلۈمنىڭ تۇيدۇرماي، ئۇشتۇمتۇت كېلىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟

[6]

. كىچىك دېمەيدۇ، بەلكى ھەر تىنىقىڭ ئۆلۈم بولۇشى مۇمكىن- ئۆلۈم چوڭ ئەگەر ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈم كەلمىسە، ئۇشتۇمتۇت كېسەل كېلىدۇ. كېسەل ئىنساننى ئۆلۈمگە يەتكۈزىدۇ. ساڭا ئۆلۈم شۇنچە يېقىن تۇرسا، نېمىشقا ئۆلۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلمايسەن؟! ئى نەپسىم! ‹سەن ئاللاھ تائالا مېنى كۆرمەيدۇ› دەپ - مەئسىيەت قىلغان بولساڭ، سەن نېمىدېگەن ئەشەددى كافىرسەن- تۇرۇپ گۇناھ ھە! ئەگەر ‹ئاللاھ تائالا مېنىڭ قىلمىشلىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ› دەپ تۇرۇپ - گۇناھ قىلغان بولساڭ، سەن نېمىدېگەن ھاماقەت، نېمىدېگەن ھاياسىزسەن ھە! سەن ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا تاقەت قىلالامسەن؟ ئىسسىق مۇنچىدا بىر سائەت !ئولتۇرۇش بىلەن بۇنى سىناپ باق! ياكى بارمىقىڭنى ئوتقا يېقىپ سىناپ باق ھالاۋەتكە خۇشتارلىق سېنى توغرا يولدا مېڭىشتىن چەكلىگەن- ئى نەپسىم! ھۇزۇر !بولسا، قىينچىلىقتىن خالىي، ساپ ۋە مەڭگۈ قالىدىغان ھۇزۇرنى تەلەپ قىل. بەزىبىر يېمەكلىك ئىنساننى كۆپ يېمەكلىكلەردىن مەھرۇم قويىدۇ

ساقىيىشى ۋە ئۇزۇن ۋاقىت نېئمەت ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن تېۋىپ ئۈچ كۈن سۇ ئىچمەسلىككە بۇيرىغان ئەقىللىق كېسەل كىشىگە نېمە دەيسەن؟ شەھۋەت ھەققىنى ئادا قىلىشتا بۇ كىشىنىڭ ئەقلى نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ دەرھال شەھۋىتىنى ئادا قىلىپ، ئاندىن كېيىن مەڭگۈ ئەلەم چېكەمدۇ؟! سېنىڭ ئۆمرۈڭ جەننەت ئەھلىنىڭ نېئمەت مۇددىتى ۋە دوزاخ ئەھلىنىڭ ئازاب مۇددىتىگە بولغان مەڭگۈلۈك نېئمەت ياكى مەڭگۈلۈك ئازابقا سېلىشتۇرغاندا، ئۈچ كۈننى بارلىق ئۆمۈرگە سېلىشتۇرغانغا ئوخشايدۇ. بەلكى دۇنيا ئۆمۈرگە سېلىشتۇرغاندا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندىنمۇ ئاز ۋاقىتتۇر. كاشكى شەھۋەتلەرگە سەبر قىلىش ئەلىمى قاتتىقراقمۇ ياكى ئۇزۇنراقمۇ، بىلسەمچۇ؟! ياكى دوزاخ قاتلاملىرىدا جەھەننەم ئوتىدا ئازابلىنىش ئەلىمى قاتتىقراقمۇ؟! نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش ئەلىمىگە !سەبر قىلالمايدىغان كىشى ئاخىرەتتىكى ئازاب ئەلىمىگە قانداقمۇ تاقەت قىلالىسۇن؟ ئابرۇينى ياخشى كۆرۈش مەشغۇل قىلدىمۇ؟ ئاتمىش- ئى نەپسىم! سېنى يۈز ئابرۇيلۇق بولغان- ياكى يەتمىش يىلدىن كېيىن سەن ۋە سېنىڭ نەزەرىڭدە يۈز كىشىلەردىن ھېچكىم قالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟! دۇنيانىڭ پەس شېرىكلىرى بولغانلىقى، ئۇنىڭ كۆپ مۇشەققەتلىك بولغانلىقى ۋە تېز سۈرئەتتە يوقىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى تەرك ئەتسەڭ بولمامدۇ؟! سەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ! سەن؟- قوشنىدارچىلىقىنى ئەخمەقلەرگە ھەمراھ بولۇش سېپىگە تېگىشمەكچىمۇ كۆپلىگەن ماللار زايە بولدى، ئازغىنە ئۆمۈر قېلىپ قالدى. ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى بىلسەڭ ئىدىڭ، زايە بولغان نەرسىلەرگە پۇشايمان قىلاتتىڭ. باشتا زايە بولغان نەرسىلەرنى ئاخىرىدا زايە بولغان نەرسىلەرگە قوشساڭ، قانداقمۇ پۇشايمان قىلماي قالىسەن؟! قىسقىغىنە بۇ كۈنلەردە ئۇزۇن ئاخىرەت كۈنلىرى ئۈچۈن ئەمەل

سوراققا تەييارلىق قىلغىن! دۇنيادىن مەجبۇرىي چىقىشنىڭ ئالدىدا- قىل! سوئال ئەركىن ئادەملەردەك دۇنيادىن چىقىشقا سەۋەب بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغىن! كىمنىڭ مىنىدىغان ئۇلىغى كېچە ۋە كۈندۈز بولسا، ئۇ كىشى ماڭمىسىمۇ سەيىر قىلدۇرۇلىدۇ. بۇ نەسىھەتلەرنى تەپەككۇر قىلغىن، ئەگەر بۇ نەسىھەتلەر ساڭا تەسىر قىلمىسا تەسىرنى يوقاتقىنىڭغا يىغلىغىن! چۈنكى، ياش رەھمەت.»دېڭىزىدىن ئېلىنىدۇ

ئىزاھاتلار:

  • [1] ئەھمەد (17123)؛ تىرمىزىي (2459)؛ ئىبنى ماجە (4260)؛ ھاكىم (1/57). ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن. شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • [2] ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد» (306)؛ ئىبنى ئەبى شەيبە (35600). ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە» (1201) دە: «زەئىف» دېگەن.
  • [3] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (50)؛ مۇسلىم (9). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • [4] ئىبنى ئەبىددۇنيا: «مۇھاسەبەتۇننەفس» (49).
  • [5] رەتەل / رىتلى: ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، كەمچەن قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يۇرتلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ئادەتتە فىقھ كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنسا، 406.25 (يەنە بىر قاراشتا 382.5) گرامغا تەڭ ئىراق ياكى باغلاد رەتلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شام رەتلى 1875 گرام.
  • [6] ئىبنى ئەبىددۇنيا: «مۇھاسەبەتۇننەفس» (22).

ئوتتۇزىنچى بۆلۈم: تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

بۆلۈم: “ئوتتۇزىنچى بۆلۈم: تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى”

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تەپەككۇر قىلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشكە بۇيرۇدى «ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە :ۋە تەپەككۇر قىلغۇچىلارنى بۇ سۆزى ئارقىلىق ماختىدى زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ): «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» «3ئال ئىمران-191»

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىييەنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار» «45جاسىيە-13».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ،ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىڭلار ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلماڭلار» دېگەن.

  • ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سائەت تەپەككۇر قىلىش بىر كېچە .كۈندۈز قىيامدا تۇرغاندىن ئەۋزەلدۇر» دېگەن

ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ رەھىمەھۇللاھ: «بىر ئىنسان ئۇزۇن تەپەككۇر قىلسا. چۈشىنىدۇ، چۈشەنسە بىلىدۇ، بىلسە ئەمەل قىلىدۇ» دەيدۇ

بىشر ھافىي رەھىمەھۇللاھ: «ئەگەر كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈكلۈكى ھەققىدە تەپەككۇر قىلغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالاغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلمىغان بولاتتى» دېگەن

«يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق :فىريابىي رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ

:)؛ بەيھەقىي6319( ۋە «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت313/11 ،»تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر

). باشقا بىرقانچە سەنەد بىلەنمۇ رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئىمام119( ،»«شۇئەبۇلئىمان ، بەت) «بۇ سەنەدلەرنىڭ ھەممىسى زەئىف- 261 ،»سەخاۋىي: («ئەلمەقاسىدۇل ھەسەنە لېكىن ئۇلارنىڭ جۇغلانمىسى كۈچلىنىدۇ. مەناسى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىيمۇ:

دېگەن «7ئەئراف-146» …قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمنى چۈشىنىشتىن يىراقلاشتۇرىمەن سۆزىنى تەپسىر قىلىپ: «بۇ ‹ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى مېنىڭ بۇيرۇقىمنى تەپەككۇر. قىلىشتىن توسىمەن› دېمەكتۇر» دېگەن

داۋۇد ئەتتائىي رەھىمەھۇللاھ ئايدىڭ بىر كېچىدە ئۆگزىدە ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنلارنىڭ سەلتەنىتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىۋېتىپ، قوشنىسىنىڭ ھويلىسىغا يىقىلىپ چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن قولىدا قىلىچ تۇتقان ھالدا يالىڭاچ سەكرەشكە :باشلىدى. قوشنىسى ئۇنى كۆرگەندە

— ئى داۋۇد! نېمە بولدۇڭ؟ — دېگەنىدى، ئۇ:

. دەپ جاۋاب بەردى— ھېچ نېمىنى ئاڭقىرالمىدىم—

شۈبھىسىزكى، دۇنيا ئۇنىڭغا قارىلىشى ئۈچۈن- يۈسۈف ئىبنى ئەسبات: «شەك. ئەمەس، بەلكى ئۇ ئارقىلىق ئاخىرەتكە قاراش ئۈچۈن يارىتىلغان» دېگەن. سۇفيان بەك تەپەككۇر قىلغانلىقتىن قان سىيگەن ئىدى

،ئەبۇبەكرى كەتتانىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «غەپلەتتىن ئويغانغاندا چۆچۈش نەپسىدىن ۋاز كېچىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ.»تىترەش ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادىتىدىن ئەۋزەلدۇر

تەپەككۇر قىلىش ساھەلىرى ۋە ئۇنىڭ مېۋىسىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “تەپەككۇر قىلىش ساھەلىرى ۋە ئۇنىڭ مېۋىسىنىڭ بايانى”

،شۇنى بىلگىنكى، تەپەككۇر قىلىش بەزىدە دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بەزىدە دىنغا مۇناسىۋەتسىز ئىشلاردا بولىدۇ. بىز دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى - ئىبادەتلەر، گۇناھ- سۆزلىمەكچىمىز. بۇنىڭ ئىزاھى ئۇزۇندۇر. يەنى كىشى تائەت مەئسىيەتلەر، ھالاك قىلغۇچى ۋە ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى سۈپەتلەردىن ئىبارەت تۆت تۈرگە قارىسۇن. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن نەپسىڭدىن، ئاللاھ تائالادىن !يىراقلاشتۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرغۇچى سۈپەتلەردىن غاپىل قالمىغىن

كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىستىسە، بىر ۋاراقچىگە ھالاك قىلغۇچى ۋە - مەئسىيەتلەرنى ۋە تائەت- ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى سۈپەتلەرنى، گۇناھ. ئىبادەتلەرنى يازغاي ۋە ئۇنىڭغا ھەركۈنى قاراپ ئۆزىدىن ھېساب ئالغاي

ھالاك قىلغۇچى ئىشلاردىن ئون ئىشقا قاراش كۇپايىدۇر. ئەگەر بۇ ئون ئىشتىن :ئامان قالسا، قالغان ھالاك قىلغۇچى ئىشلاردىن ئامان قالالايدۇ. ئۇلار بولسا بېخىللىق، تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق، رىياكارلىق، ھەسەتخورلۇق، قاتتىق

دۇنياپەرەسلىك- غەزەپلىنىش، ئاچپاقىلىق، جىنسى مۇناسىۋەتكە بېرىلىش، مال. ۋە ئابرۇيپەرەسلىكتىن ئىبارەت، ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئون ئىش بولسا: گۇناھلاردىن پۇشايمان قىلىش مۇسىبەتلەرگە سەبر قىلىش، قازايىقەدەرگە رازى بولۇش، نېئمەتلەرگە شۈكۈر-بالا، قىلىش، قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىشتا ئوتتۇراھال بولۇش، دۇنياغا قىزىقماسلىق ئەمەللەردە ئىخلاس قىلىش، كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش، ئاللاھ تائالانى .ياخشى كۆرۈش ۋە خۇشۇئ قىلىشتىن ئىبارەت

ئەيىبلىنىدىغان ۋە ماختىلىدىغان بۇ خىسلەتلەر جەمئىي يىگىرمىدۇر. (ۋاراق تۇتقۇچى) ئەيىبلىنىدىغان بىر خىسلەت ئۆزىدە بولمىسا، ئۇنىڭ ئاستىغا سىزىق سىزىپ قويىدۇ، ئۇ ھەقتە ئويلانمايدۇ ۋە ئۆزىدە شۇ خىسلەتنىڭ يوقلۇقى ئۈچۈن رەببىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ كىشى شۇ يامان خىسلەتنىڭ ئۆزىدە بولماسلىقى ئاللاھنىڭ تەۋپىقى ۋە ياردىمى بىلەن بولغانلىقىنى بىلسۇن، ئاندىن قالغان توققۇز خىسلەتكە قارىسۇن. مۇشۇ شەكىلدە بارلىق خىسلەتلەرگە سىزىق سىزسۇن. شۇنىڭدەك نەپسىدىن ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى سۈپەتلەر بىلەن قوراللىنىشنى تەلەپ قىلسۇن. نەپسىنى تەۋبە قىلىش ۋە پۇشايمان قىلىشقا ئوخشاش بىر سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ھالەتتە كۆرسە، شۇ سۈپەتكە سىزىق. سىزىپ قويۇپ، قالغان سۈپەتلەر بىلەن مەشغۇل بولسا بولىدۇ بۇنىڭغا ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى كۆزلىگەن تىرىشچان كىشى موھتاج بولىدۇ.

سالىھلەر قاتارىدا سانىلىدىغان كۆپ كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلار ۋاراقچىلىرىگە ،شۈبھىلىك نەرسىلەرنى يېيىش، غەيۋەت ۋە چېقىمچىلىقتىن تىلىنى تارتماسلىق جېدەللىشىش، ماختانچاقلىق، ئەۋلىيالارنى دوست تۇتۇشتا ياكى رەقىبلەرنى دۈشمەن تۇتۇشتا ئاشۇرۇۋېتىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتا، تەخسىكەشلىك قىلىشقا ئوخشاش ئاشكارا گۇناھلارنى ۋاراقچىلەرگە يازسۇن. چۈنكى ئۆزىنى ياخشىلاردىن سانىغان كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بەدەن ئەزالىرى بۇ بىر قىسىم ، ئەزالار گۇناھلاردىن پاك بولماي تۇرۇپ- گۇناھلاردىن خالىي بولالمايدۇ. بەدەن. قەلبنى گۈللەندۈرۈش ۋە پاكلاش بىلەن مەشغۇل بولغىلى بولمايدۇ

تۈرلۈك كىشىلەر بۇ يامان خىسلەتلەردىن بىرىگە گىرىپتار بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ خىسلەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ئۇ يامان سۈپەتلەر ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش. كېرەك

مىسال

نەسىھەت قىلىش- تەقۋا ئالىم كىشى كۆپىنچە ھالدا دەرس ئۆگىتىش ياكى ۋەز

  • ئابرۇيىنى كۆز- بىلەن ئىلىملىك ئىكەنلىكىنى، شۆھرەت تەلەپ قىلىش ۋە يۈز كۆز قىلىشتىن خالىي بولالمايدۇ. كىمكى شۇنداق قىلسا، ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ بىر پىتنىگە دۇچار قىلغان بولىدۇ. ئۇ پىتنىدىن پەقەت سىددىق كىشىلەرلا بىرىدىن- قۇتۇلالايدۇ. بەزىدە ئىلىم ئۆلىمالارنى كۈندەش ئاياللاردەك بىر، كۈنلەشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىم كىشى ئالدانغان تۇرۇپ »قەلبىدە «نىجاتلىق» دەپ ئويلاپ قالغان، ئەمەلىيەتتە دەل «ھالاك قىلغۇچى .بولغان سۈپەتلەرنىڭ ئورۇنلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر

كىمكى ئۆزىدە بۇ سۈپەتلەرنى سەزسە، دەرھال باشقىلاردىن ئايرىلىۋېلىشى ۋە يالغۇز تۇرۇشى، داڭقى چىقماسلىققا تىرىشىشى ۋە پەتۋا بېرىشنى باشقىلارغا . بىرىگە ئىتتىرەتتى- ئىتتىرىشى لازىم. چۈنكى، ساھابەلەر پەتۋا بېرىشنى بىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەتۋا بېرىش ئىشىدا باشقا قېرىندىشىنىڭ كىشىلەرگە كۇپايە ،قىلىشىنى ئىستەيتتى. بۇ چاغدا ئىنسانىي شەيتانلاردىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى »ئىنسانىي شەيتانلار «بۇنداق قىلىش ئىلىمنىڭ ئۆچۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ دەيدۇ. ئالىم كىشى ئۇلارغا: «ئىسلام دىنى مەندىن بىھاجەت، ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئىسلام دىنى يىقىلىپ چۈشمەيدۇ. مەن بولسام قەلبىمنى ئىسلاھ قىلىشتىن بىھاجەت ئەمەسمەن» دېسۇن. ئالىم كىشىنىڭ تەپەككۇرى قەلبىدىكى بۇ يوشۇرۇن سۈپەتلەرنى چۈشىنىش بولسۇن. ئاللاھ تائالادىن قەلبلىرىمىزنىڭ بۇزۇقلۇقىنى ئىسلاھ قىلىشىنى ۋە بىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق. قىلىشىنى سورايمىز

پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدە قانداق تەپەككۇر قىلىشنىڭ بايانى

بۆلۈم: “پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدە قانداق تەپەككۇر قىلىشنىڭ بايانى”

ئالدىنقى پەسىللەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ زاتى ھەققىدە . دېگەن سۆزى بايان قىلىندى»تەپەككۇر قىلماڭلار

ھەقىقەتەن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ زاتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش چەكلىنىدۇ. سەۋەبى شۇكى، ئەقىللەر ئاللاھ تائالانىڭ زاتىنى تەپەككۇر قىلىشتىن تېڭىرقاپ قالىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا نە ئەقىللەر ۋە نە قەلبلەر بىلەن ئوخشىشىنى خىيال-تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بۈيۈك زاتتۇر. «ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» «42شۇرا-11».

ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا كەلسەك، قۇرئان كەرىمدە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش ھەققىدە ئايەتلەر بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلبەتتە، روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ): ‹پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن›» «3ئال ئىمران-190-191».

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئېيتقىنكى: ‹ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار›. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ) ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ» «10يۇنۇس-101».

مەنىيدىن يارىتىلغان ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭا، ئىنسان ئۆزى ھەققىدە تەپەككۇر قىلسۇن! چۈنكى، ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدا ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈكلۈكىگە دالالەت قىلىدىغان ئاجايىباتلار بار. بۇ ئاجايىباتلارنى بىلىش ئۈچۈن ئۆمۈرلەر سەرپ قىلىنسا، ئوننىڭ بىرىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئىنسان ئۇنىڭدىن غاپىلدۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئۆزىنىڭ نەپسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە بۇيرۇپ: «زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر؟» «51زارىيات-20-21» دەيدۇ.

تاغلارغا يوشۇرۇلغان گۆھەرلەر، ئالتۇن، كۈمۈش، پىروزا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتلىك تاش، مېتاللار، شۇنىڭدەك نېفىت، گۈڭگۈرت ۋە قارىمايلارغا ئوخشاش. بايلىقلار ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىدىندۇر

يەر يۈزىنىڭ ھەممە يېرىنى قورشاپ تۇرغان چوڭقۇر دېڭىز ۋە مۇئەززەم ئوكيانلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئەگەر يەر يۈزىدىكى پۈتۈن قۇرۇقلۇق ۋە تاغلار كەبى ئوچۇق زېمىنلار بىر جايغا توپلانسا، پۈتۈن - سۇلارغا قىياسەن ئوكيانۇستىكى كىچىك بىر ئارلاچىلىك كېلەتتى. دېڭىز. ئوكيانلاردا بىز قۇرۇقلۇقتا كۆرگەندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئاجايىباتلار بار

ئاللاھ تائالانىڭ مەرۋايىتنى قانداق ياراتقانلىقىغا، ئۇنى سۇ ئاستىدىكى سەدەپ مارجاننى- ئىچىدە قانداق يۇمىلاق قىلغانلىقىغا قارىغىن! ئاللاھ تائالانىڭ ئۈنچە سۇ ئاستىدىكى قاتتىق تاشلار ئىچىدە قانداق ئۆستۈرگەنلىكىگە، ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىز قىرغاققا ئاتىدىغان ئەنبەرلەر ۋە ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ قانداق

«شۈكۈر قىلىش توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە بەزى بايانلار. ئۆتتى. شۇ يەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن

!ياراتقانلىقىغا قارىغىن

ئاللاھ تائالانىڭ كېمىلەرنى سۇ ئۈستىدە قانداق لەيلىتىپ، شاماللار ئارقىلىق !قانداق ماڭدۇرىدىغانلىقىدەك ئاجايىباتلارغا قارىغىن، بۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى سۇدۇر. سۇ زېمىن يۈزىدىكى ھايۋان بولسۇن ئۆسۈملۈك بولسۇن ھەممىسىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسىدۇر. ئەگەر بىر كىشى سۇ ئىچىشكە موھتاج بولسا ۋە سۇ ئىچىشتىن چەكلەنسە، ئەگەر ئۇنىڭ قول ئىلكىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ خەزىنىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى بىر يۇتۇم سۇغا پىدا قىلغان بولاتتى. سۇ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئىچكەن سۇنى سىرتقا چىقىرالمىسا، زېمىندىكى بارلىق خەزىنىلەرنى چىقىرىپ بولسىمۇ، شۇ سۇنى تېنىدىن چىقىرىشقا سەرپ قىلغان بولاتتى. شۇڭا، بەندە بۇ نېئمەتتىن غاپىل. قالماسلىقى كېرەك

ھاۋا ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىدىن بىرىدۇر. ھاۋا بولسا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نازۇك جىسىمدۇر. سەن ھاۋانىڭ قاتتىقلىقى ۋە كۈچىگە، ھاۋانىڭ، ئاجايىباتلىرىغا، جۈملىدىن يامغۇر بۇلۇتلىرى، گۈلدۈرماما، چاقماق، يامغۇر، قار !مۆلدۈر، ئاقار يۇلتۇزلار، چاقماق ئاۋازى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاجايىباتلارغا قارىغىن

دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ سۇدا ئۈزگەنلىكىگە، ئۇچار قۇشلارنىڭ قانات كېرىپ، ھاۋادا پەرۋاز قىلىشلىرىغا قارىغىن! ئاندىن كۆككە، كائىناتنىڭ تېرەنلىكىگە يۇلتۇزلارغا، قۇياش ۋە ئايغا قارىغىن! ھەربىر يۇلتۇزنىڭ رەڭگى، شەكلى ۋە ئورۇنلىشىشىدا ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى بار. ئاللاھ تائالانىڭ كېچىنى كۈندۈزگە !ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدىغانلىقىغا قارىغىن! قۇياشنىڭ سەيرىگە قارىغىن قۇياش سەيرىنىڭ ياز، قىش، ئەتىياز ۋە كۈزدە قانداق ئۆزگۈرىدىغانلىقىغا. قارىغىن! «قۇياش زېمىندىن بىر يۈز ئاتمىش نەچچە ھەسسە چوڭدۇر» دەرلەر شەكسىزكى، ئاسماندىكى ئەڭ كىچىك يۇلتۇزمۇ زېمىندىن سەككىز ھەسسە چوڭدۇر. دېمەك، بىر يۇلتۇز مۇشۇنداق چوڭ بولغان يەردە سانسىز يۇلتۇزلار جايلاشقان كائىناتقا قارىغىن! كۆزۈڭ شۇنچە كىچىك تۇرۇپ ئۇلارنى كۆرەلىگەنلىكىنى ئويلىغىن! ئەگەر ئۆيى ئالتۇن ھەل بىلەن زىننەتلەنگەن بىر باينىڭ ئۆيىگە كىرسەڭ، ئۇنىڭغا ھەيرەتلىنىسەن ۋە ئۇ ئۆينى داۋاملىق ئەسلەپ، تۇرىسەن. سەن ئاسماندىن ئىبارەت ئۇشبۇ بۈيۈك ئۆيگە، ئۇنىڭ زېمىنىغا كېرەكلىرىگە، ئاجايىب نەقىشلىرىگە- تورۇسىغا، ئاجايىباتلىرىغا، نەرسە قارايسەنۇ، ئەمما ئۇنى سۆزلىمەيسەن، قەلبىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قارىمايسەن ۋە ياراتقۇچىڭنىڭ بىنا قىلغىنىنى ئويلىمايسەن. بۇ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق بىر ئىشتۇر. سەن ئۆزۈڭنى ۋە پەرۋەردىگارىڭنى ئۇنتۇيسەن، قورسىقىڭ ۋە ھەۋەسلىرىڭ، بىلەن مەشغۇل بولىسەن. سەن غەپلەتتە بەئەينى بىر چۈمۈلىگە ئوخشايسەنكى ئۇ چۈمۈلە پادىشاھ قەسرىنىڭ تېمىدىكى ئۇۋىسىدىن چىقىپ، بىر ھەمراھى بىلەن ئۇۋىسى ھەققىدە سۆزلىشىپ، ئۇنى قانداق بىنا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىگە يىغقان نەرسىلىرىنى سۆزلەيدۇ. ئەمما، پادىشاھ قەسرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنى تىلغا ئالمايدۇ. دېمەك، سەن ئاسمان ھەققىدە شۇ چۈمۈلە سېنىڭ. ئۆيۈڭنىڭ تورىسىدىن بىلگەنچىلىك نەرسە بىلىسەن

مانا بۇلار تەپەككۇر قىلغۇچىلارنىڭ پىكرى ئايلىنىدىغان بىر قىسىم نەرسىلەرنىڭ بايانىدۇر. ئۆمۈر ھەقىقەتەن قىسقا. ئىلىملەر بەزى مەخلۇقاتلارنى بىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. لېكىن، سەن مەخلۇقاتلارنىڭ ئاجايىباتلىرىنى قانچە كۆپ بىلىشنى خاھلىساڭ، سېنى ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشىڭ شۇنچە »مۇكەممەل بولىدۇ. بۇ يەردە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلگەنلەرنى «شۈكۈر قىلىش ھەققىدىكى تېمىدا سۆزلىگەنلىرىمىز بىلەن قوشۇپ تەپەككۇر قىلغىن! ئىنسان بۇ »نەرسىلەرگە «بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقانلىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى .دەپ قارىسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە كاتتىلىقىنى بىلىپ پايدا ئالىدۇ »كىمكى بۇ نەرسىلەرگە «سەۋەبلەرنى پەيدا قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا باغلىنىشلىق، دەپ ئەمەس، «بەزىسى بەزىسىگە تەسىر قىلىدۇ» دېگەن تەرەپتىنلا قارىسا، بەختسىز بولىدۇ. جاھىلانە قەدەملىرىمىزنىڭ ھەق يولدىن تېيىپ كېتىشىدىن گۇمراھلىقلارغا مايىل بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. بىز. كۆرمەيدىغان پەرىشتىلەر ۋە جىنلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشنىڭ يولى يوق. شۇڭا، بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرىدىغان نەرسىلەرنى سۆزلىدۇق. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر

ئىزاھاتلار:

  • [1] تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر» (11/313)؛ «ئەلمۇئجەمۇلئەۋسەت» (6319)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (119). باشقا بىرقانچە سەنەد بىلەنمۇ رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئىمام سەخاۋىي «ئەلمەقاسىدۇل ھەسەنە» (261-بەت) دە: «بۇ سەنەدلەرنىڭ ھەممىسى زەئىف، لېكىن ئۇلارنىڭ جۇغلانمىسى كۈچلىنىدۇ. مەناسى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىيمۇ «سەھىھۇلجامىئ» (2975) دە: «ھەسەن» دېگەن.
  • [2] ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد» (741).
  • [3] «ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلماڭلار» دېگەن سۆز بايان قىلىندى.
  • [4] «شۈكۈر قىلىش توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە بەزى بايانلار ئۆتتى. شۇ يەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئوتتۇز بىرىنچى بۆلۈم: ئۆلۈمنى ئەسلەش، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلار ۋە ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا

بۆلۈم: “ئوتتۇز بىرىنچى بۆلۈم: ئۆلۈمنى ئەسلەش، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلار ۋە ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا”

ئۆلۈمنى ئەسلەش ۋە ئۇنى كۆپ ئەسلەپ تۇرۇشقا قىزىقتۇرۇش ھەققىدە

بىلگىنكى، ئالدامچى دۇنيا مەنقۇلاتلىرىغا دۈم چۈشۈپ دۇنياغا بېرىلگۈچىنىڭ قەلبى ئۆلۈمدىن غاپىل بولۇپ، ئۆلۈمنى ئەسلىمەيدۇ. ئەسلىگەن تەقدىردىمۇ .ئۆلۈمنى يامان كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن قاچىدۇ

كىشىلەر «يا دۇنياغا بېرىلگۈچى، يا ياخشى ئەمەل قىلىشنى باشلىغان »تەۋبەكار، ۋەياكى دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يامان ئەمەللەردىن قول ئۈزگۈچى .دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ

دۇنياغا بېرىلگۈچى ئۆلۈمنى ئەسلىمەيدۇ، ئەسلىسىمۇ ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا (دۇنيالىقتا قولىدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىلەرگە) ئەپسۇسلىنىش ئۈچۈن ئەسلەيدۇ ۋە ئۆلۈمنى ئەيىبلەش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ ئۆلۈمنى ئەسلىشى .ئۇنى ئاللاھ تائالادىن يىراقلاشتۇرىدۇ

تەۋبەكارغا كەلسەك، تەۋبەكار ئۆز قەلبىدە ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ۋە ئەيمىنىشنىڭ قوزغىلىشى ئۈچۈن ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەيدۇ. ئۇ شۇ ئارقىلىق تەۋبىسىگە مۇكەممەل ۋاپا قىلىدۇ. تەۋبەكار بەزىدە مۇكەممەل تەۋبە قىلىۋېلىشىدىن بۇرۇن ياكى ئاخىرەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىۋېلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈم كېلىشىنى .خاھلىماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ بۇ ھالەتتە ئۆلۈمنى خاھلىماسلىقى خاتا ئەمەستۇر بۇ خاھلىماسلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرسە، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى دېگەن سۆزىگە چۈشمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ بەندە ئۆزىدىكى»يامان كۆرىدۇ ئىبادەتتە كەتكۈزۈپ قويۇشلار ئۈچۈنلا ئاللاھ تائالا بىلەن- كەمچىلىك ۋە تائەت ئۇچرىشىشتىن قورقىدۇ. بۇ كىشى خۇددى «ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ياخشى كۈتىمەن» دەپ تەييارلىق قىلىپ يۈرۈپ، كۈتكەن كىشىسى بىلەن ئۇچرىشىشقا

كېچىكىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ كىشى بۇ ھالەتتە ياخشى كۆرگەن. كىشىسى بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرگەن كىشى ھېسابلانمايدۇ

بۇنىڭ ئالامىتى دائىم ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەشغۇل بولىدىغان ئىشى بولماسلىقتۇر. ئەگەر بۇ ئالامەتلەر تېپىلمىسا، ئۇنداق كىشى .دۇنياغا بېرىلگۈچى كىشىلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ دۇنيانىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلگۈچىگە كەلسەك، ئۇ دائىم ئۆلۈمنى ئەسلەيدۇ چۈنكى، ئۆلۈم ياخشى كۆرگەن ھەبىبى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى بولۇپ، ئۇ ئۆز ھەبىبى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئۇنۇتمايدۇ. بۇنداق كىشى كۆپىنچە ۋاقىتتا «ئۆلۈمنىڭ كېلىشىنى كېچىكتى» دەپ قارايدۇ. ئۆلۈمنى پاسىقلار يۇرتىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ قوشنىدارچىلىقىغا يۆتكىلىش ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ. ھەقىقەتەن بەزىلەر ئېيتقاندەك: «ئۆلۈم بولسا موھتاجلىقتا يېتىپ.»كەلگەن مەھبۇبتۇر.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، تەۋبەكار ئۆلۈمنى خاھلىماسلىقتا ئۆزرەلىكتۇر. دۇنيانىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇغۇچى ئۆلۈمنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنى ئارزۇ قىلىشتا ئۆزرەلىكتۇر. بۇ ئىككى كىشىدىن يۇقىرى مەرتىۋىدىكى كىشى بولسا ئۆزىنىڭ، ئىشىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىگە نە ئۆلۈم ۋە نە ھاياتلىقنى تاللىمىغان بەلكى ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسىسى پەرۋەردىگارى ياخشى كۆرگەن نەرسە بولغان كىشىدۇر. بۇ كىشى ياخشى كۆرۈشى ۋە دوست تۇتۇشى تەسلىم بولۇش ۋە مەمنۇن بولۇش ماقامىغا بېرىپ توختىغان كىشىدۇر. مانا بۇ ئەڭ يۇقىرى چەك ۋە ئالىي. مەقسەتتۇر

قانداقلا بولمىسۇن، ئۆلۈمنى ئەسلەش ئارقىلىق ساۋابقا ۋە پەزىلەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. سەۋەبى، دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولغۇچى ئۆلۈمنى ئەسلەش ئارقىلىق دۇنيادىن يىراقلىشىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۆلۈمنى ئەسلەش ئۇنىڭ نېئمەتلىك. تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ ۋە دۇغلاشتۇرىدۇ

بىرىنچى باب: ئۆلۈمنى ئەسلەشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

بۆلۈم: “بىرىنچى باب: ئۆلۈمنى ئەسلەشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا”

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ »ئەلەيھى ۋەسەللەم: «لەززەتلەرنى كېسىپ تاشلىغۇچى ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەڭلار. دېگەن

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا بىر ئادەم تىلغا ئېلىنغان ئىدى، كىشىلەر ئۇ كىشى ھەققىدە :ياخشى گەپلەرنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

— ئۇ دوستۇڭلار ئۆلۈمنى قانداقراق ئەسلەيتتى؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— ئۇنىڭ ئۆلۈمنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتۇق، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنداقتا، سىلەرنىڭ ئۇ ھەمراھىڭلار ئۇنچە ياخشى يەردە ئەمەس— .دېدى

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ :ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن

دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر— قايسى مۇئمىن ئەڭ ئەقىللىق مۇئمىندۇر؟— :سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

— ئۆلۈمنى كۆپ تىلغا ئالىدىغان، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلار ئۈچۈن بەك ياخشى تەييارلىق قىلىدىغانلار. ئەنە شۇلار ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەردۇر — دەپ جاۋاب بەردى.

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: «ئۆلۈم دۇنيانىڭ ماھىيتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ، ئۆلۈم دۇنيادا ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن خۇشاللىق قالدۇرمايدۇ. بىر بەندە قەلبىدە ئۆلۈمنى ئەسلىسە، دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر ئۇنىڭغا ئەرزىمەس تۇيۇلىدۇ» دېگەن

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۆلۈم ۋە قىيامەتنى ئەسلىسە، قۇش مىسالى تىترەيتتى. ئۇ ھەر كېچىسى فىقھىشۇناسلارنى يىغىپ، خۇددى كۆز ئالدىدا بىر. مېيىت ياتقاندەك ئۆلۈم ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشىپ، يىغلىشىپ كېتەتتى

ھامىد ئەلقەيسەرىي رەھىمەھۇللاھ: «ھەممىمىز ئۆلۈمگە شەكسىز ئىشەنگەن كىشىلەرمىز، ئەمما ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلغۇچىنى كۆرمەيمىز. ھەممىمىز جەننەتكە .شەكسىز ئىشەنگەن كىشىلەرمىز، ئەمما جەننەتلىك ئەمەل قىلغۇچىلارنى كۆرمەيمىز ھەممىمىز دوزاخقا شەكسىز ئىشەنگەن كىشىلەرمىز. ئەمما، دوزاختىن قورققۇچىنى كۆرمەيمىز. نېمىگە خۇشال بولۇۋاتىسلەر؟! نېمىنى كۈتۈۋاتسىلەر؟! ئۆلۈمنى كۈتۈۋاتامسىلەر؟ ئۆلۈم سىلەرگە ياخشىلىق ياكى يامانلىق بىلەن كېلىدىغان تۇنجى .سوۋغىدۇر. ئى قېرىنداشلىرىم! رەببىڭلار تامان گۈزەل رەۋىشتە مېڭىڭلار!» دەيدۇ

شۇمەيت ئىبنى ئەجلان: «كىمكى ئۆلۈمنى كۆز ئۆڭىدە تۇتسا، دۇنيانىڭ. تارچىلىقى ۋە كەڭرىچىلىكىگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ» دېگەن

ئۆلۈمنى ئەسلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يولى

بىلگىنكى، ئۆلۈمنىڭ خەتىرى چوڭدۇر. كىشىلەر ئۆلۈمنى ئاز تەپەككۇر قىلغانلىقى ۋە ئاز ئەسلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈمدىن غاپىل قالىدۇ. ئۆلۈمنى ئەسلىگەنلەرمۇ ئۇنى غاپىل قەلب بىلەن ئەسلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۆلۈمنى ئەسلەش مەنپەئەت بەرمەيدۇ. بەندە قەلبىنى كۆز ئۆڭىدىكى ئۆلۈمنى ئەسلەشكە مەركەزلەشتۈرگەندىلا، ئۆلۈمنى ئەسلەش مەنپەئەت بېرىدۇ. بەندە ئۆلۈمنى ئەسلەشتە خەتەرگە توشقان بىر كەڭ دالاغا سەپەر قىلىشنى ئىرادە قىلغان ياكى دېڭىزدا سەپەر قىلغان كىشىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك. بۇ خەتەرلەر ھەققىدىلا تەپەككۇر- يەرلەردە سەپەر قىلغانلار شۇ يەردىكى خېيىم قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ پايدىلىق يول ئۆزىدىن ئىلگىرى دۇنيادىن كەتكەن تەڭتۇشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئوخشاشلىرىنىڭ ئۆلۈمىنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇپراق ئاستىدىكى .ھالەتلىرىنى ئەسلەشتۇر

نەسىھەت ئالغان- ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «باشقىلاردىن پەند. كىشى بەختلىك كىشىدۇر» دېگەن

ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۆلۈكلەر تىلغا ئېلىنسا، ئۆزۈڭنى ئۇلاردىن. بىرى ھېسابلىغىن» دېگەندۇر

ئىنسان قەبرىستانلىقلارنى كۆپ زىيارەت قىلىشى، نەپسى دۇنيالىقتىن بىرەر نەرسىگە تەلپۈنۈپ قالسا، شۇ زامان ھامىنى ئۆزىنىڭ ئۇ نەرسىدىن. ئايرىلىدىغانلىقىنى تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئارزۇلىرىنى كەم قىلىشى كېرەك

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ‹سەن دۇنيادا غېرىب ياكى مۇساپىرغا ئوخشاش بولغىن› دېدى». ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە مۇنداق دەيتتى: «كەچ قىلساڭ تاڭنى كۈتمىگىن، تاڭ، ئاتقۇزساڭ كەچنى كۈتمىگىن. كېسەللىكتىن بۇرۇن ساقلىقىڭنى غەنىيمەت بىلگىن.»ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى ھاياتلىقىڭنى غەنىيمەت بىلگىن

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن ئۈممىتىم ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغان نەرسە نەپس خاھىش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەنغۇ دېيىشتۇر. نەپس خاھىش ھەقىقەتتىن ئاداشتۇرىدۇ. ‹ئۇزۇن ئۆمۈر.»كۆرىمەنغۇ› دېيىش بولسا ئاخىرەتنى ئۇنۇتقۇزىدۇ

ھەسەن ئەلبەسرىي رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم :ساھابەلەرگە

— ھەممىڭلار جەننەتكە كىرىشنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ — دېگەندە، ساھابەلەر:

دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر— ! ھەئە، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى— :سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

— ئارزۇنى ئاز قىلىڭلار، ئەجەللىرىڭلارنى كۆز ئالدىڭلاردا تۇتۇڭلار ۋە ئاللاھ تائالادىن ھەقىقىي رەۋىشتە ھايا قىلىڭلار — دېدى.

ئەبۇ زەكەرىييا ئەتتەيمىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك مەسجىدى ھەرامدا تۇرۇۋاتقاندا ئۇنىڭغا بىر نەقىش ئويۇلغان تاش ئېلىپ كېلىندى. سۇلايمان ئۇ تاشتىكى نەقىشنى ئوقۇيالايدىغان بىر كىشىنى ئىزدەپ تېپىپ ئەكەلدۈرۈپ، تاشتىكى نەقىشلەرنى ئوقۇتتى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: ‹ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر سەن ئەجىلىڭنىڭ يېقىنلىقىنى بىلسەڭ ئىدىڭ، ئۇزۇن ئارزۇ قىلىشنى تاشلىغان، كۆپ ئەمەل-ئىبادەت قىلىشقا قىزىققان بولاتتىڭ. مال-دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى ۋە ھىيلىلىرىڭنى تاشلىغان بولاتتىڭ. سەن ئۆلۈپ ئەھل-ئەۋلادىڭ، بالىچاقا ۋە ئۇرۇق-نەسەبىڭ، خىزمەتچىلىرىڭ سېنى قەبرىگە تاپشۇرغاندا، تامامەن قولدىن كەتكەندە قىلغانلىرىڭغا پۇشايمان قىلىسەن. سەن ئۇ ۋاقىتتا دۇنياغا ئەسلا قايتالمايسەن. ياخشىلىقلىرىڭنى كۆپەيتەلمەيسەن. شۇڭا، قىيامەت كۈنى ئۈچۈن ئەمەل قىلغىن، ھەسرەت ۋە نادامەت كۈنى ئۈچۈن ئەمەل قىلغىن!›».

ئۇزۇن ئارزۇ قىلىشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئىلاجى توغرىسىدا

بىلگىنكى، «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەنغۇ» دېيىشكە سەۋەب بولىدىغان نەرسە .ئىككىدۇر. بىرى، دۇنيانى ياخشى كۆرۈش. يەنە بىرى، بىلىمسىزلىك، دۇنيانى ياخشى كۆرۈشكە كەلسەك، ئىنسان دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرى لەززەتلىرى ۋە ئالاقىلىرىدىن بەھر ئالسا، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ دۇنيادىن يىراقلىشىشى تەستۇر. ئۇ چاغدا قەلب دۇنيادىن يىراقلاشتۇرغۇچى بولمىش ئۆلۈمنى ئەسلەشتىن باش تارتىدۇ. ھەركىمكى بىرنەرسىنى يامان كۆرسە، ئۇنى قەلبىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئىنسان باتىل ئارزۇلار بىلەن مەشغۇل بولسا، نەپسى دۇنيادا ، بالا- مۈلك، خاتۇن- قېلىپ قېلىش، دۇنيادا موھتاج بولىدىغان مال يارەن ۋە دۇنيانىڭ باشقا لازىمەتلىكلىرىدىن ئىبارەت ئۆز- ئۆيۋاق، دوست مەقسىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلدۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبى بۇ پىكىردە توختاپ قېلىپ، ئۆلۈمنى ئەسلەشتىن يىراق بولىدۇ ۋە ئۆلۈمنىڭ يېقىنلىقىنى مۆلچەرلىمەيدۇ. بەزى ھاللاردا كىشى ئۈچۈن ئۆلۈمنى خىيال قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسىمۇ، ئۇنى ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ: «سەن چوڭ بولغۇچە ئالدىڭدا– كېچىكتۈرىدۇ ۋە ئۆز كۈنلەر ئۇزۇن، چوڭ بولغاندا تەۋبە قىلىۋالارسەن» دەيدۇ. يېشى چوڭايغاندا بولسا: «قېرىغاندا تەۋبە قىلىۋالارسەن» دەيدۇ. قېرىغاندا بولسا: «بۇ ئۆينى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئېتىزنى تېرىپ بولغاندىن كېيىن ياكى بۇ سەپەردىن قايتىپ بولغاندىن كېيىن تەۋبە قىلارسەن» دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ تەۋبە قىلىشنى كېيىنگە قالدۇرۇپ، كېچىكتۈرۈپ، بىر ئىشنى تاماملاپ بولغۇچە ئۇنىڭغا ئون ئىش قوشۇلۇپ ماڭىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ تەدرىجىي ھەر كۈن

تەۋبە قىلىشنى كېچىكتۈرىدۇ. بىر ئىشنى قىلىپ بولۇپ، يەنە بىر ئىش بىلەن –مەشغۇل بولىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ ئويلاپ باقمىغان ۋاقىتتا ئۆلۈم كېلىپ، ھەسرەت. نادامىتى زىيادە بولىدۇ

دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنچە ۋارقىراشلىرىمۇ تەۋبە قىلىشنى كەينىگە سوزغانلىقتىن بولىدۇ. ئۇلار: «ياخشى ئەمەل قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن مىڭ ھەسرەت!» دەيدۇ. بۇ ئارزۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيانى ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭدىن، بەھر ئېلىش ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «نېمىنى خاھلىساڭ دېگەن سۆزى»شۇنى ياخشى كۆرگىن، بەرىبىر ئۇنىڭدىن جۇدا بولغۇچىسەن. غەپلەتتە قالغانلىقتىن كېلىپ چىققاندۇر

ئىككىنچى سەۋەب: بىلىمسىزلىك

بىلىمسىزلىك بولسا ئىنساننىڭ ئۆز ياشلىقىغا ئىشىنىشى ۋە ياشلىق مەزگىلىدە ،ئۆلۈمنى ئۆزىدىن يىراق سانىشىدۇر. بۇ بىچارە ئۆز شەھرىدىكى ياشلارنى سانىسا ئۇلارنىڭ خالايىقنىڭ ئوندىن بىرىچىلىكمۇ ئەمەسلىكىنى تەپەككۇر قىلمامدۇ؟ ياشلارنىڭ ئاز بولۇشى ياشلارغا ئۆلۈمنىڭ كۆپ كەلگەنلىكى ئۈچۈندۇر. بەزىدە بىر. قېرى كىشى ئۆلۈپ بولغۇچە مىڭ نارىسىدە بالا ۋە ياش يىگىت ئۆلۈپ بولىدۇ كىشى بەزىدە ساقلىقى بىلەن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۆلۈمنىڭ ئۆزىگە ئۇشتۇمتۇت كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. كىشى ئەگەر ئۆلۈمنى يىراق سانىسا، ئۇنىڭغا كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئىنسان كېسەل بولسا ئۆلۈم ئۇنىڭدىن يىراق ئەمەس. ئەگەر ئىنسان تەپەككۇر قىلسا ۋە ئۆلۈمنىڭ كېلىدىغان ياز، قىش، ئەتىياز، كۈز، كېچە ۋە كۈندۈز دەيدىغان مۇئەييەن بىر ۋاقتى يوقلۇقىنى ۋە ياش، قېرى، ياكى ئوتتۇرا ياش بولسۇن مەخسۇس بىر ياشقا باغلىنىشلىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى .بىلسە، ئۇ ئۆلۈمنى ناھايىتى چوڭ بىلەتتى ۋە ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلغان بولاتتى

ھەۋەسنىڭ زىيادە ياكى كەم دەرىجىلىرى- پەسىل: ئارزۇ

.«ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەنغۇ» دېيىش بارىسىدا كىشىلەر تولىمۇ پەرقلىقتۇر بەزىلەر ئۇزۇن ئۆمۈرنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەزىلەر بولسا قانداق ئەھۋالدا بولۇشىدىن . ئارمانسىز قالمايدۇ. بەزىلەر بولسا بەك كەم ئارزۇ قىلىدۇ- قەتئىينەزەر ئارزۇ ئەبۇ ئوسمان ئەننەھدىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن 130 يىل ياشىدىم. ھەممە نەرسىنىڭ كېمىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىميۇ، لېكىن ئارزۇيۇم شۇ پېتىچە ئۆزگەرمەي تۇردى».

كەم ئارزۇ قىلىش ھەققىدە شۇ رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ مۇھەممەد ھەبىبنىڭ ئايالى مۇنداق دېگەن: «ئېرىم ئەبۇ مۇھەممەد ماڭا: ‹ئەگەر مەن بۈگۈن ئۆلۈپ. كەتسەم، مېنى يۇيۇپ، مۇنداق، مۇنداق قىلىشى ئۈچۈن پالانىغا ئەلچى ئەۋەتىڭ :سىز مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلىڭ› دېگەنىدى». ئۇ ئايالغا

— ئېرىڭىز شۇ كۈنى بىرەر چۈش كۆرۈپتىكەنمۇ؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ ئايال:

— ئېرىم ماڭا ھەركۈنى شۇنداق دەيتتى — دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئىبراھىم ئىبنى شۇمەيت مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ زۇرئە ماڭا: ‹مەن ساڭا ھېچكىمگە دەپ باقمىغان بىر سۆزنى قىلاي. مەن يىگىرمە يىلدىن بېرى ئۆلۈمنى كۈتۈپ مەسجىدتىن چىقىپ باقمىدىم. نەپسىم ماڭا يەنىلا مەسجىدكە قايتقىن.»دەۋاتىدۇ› دېگەنىدى

بىر كىشىگە: «كۆينىكىڭنى يۇيمامسەن؟» دېيىلگەنىدى، ئۇ: «ئۆلۈم. ئۇنىڭدىنمۇ تېز كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى

مۇھەممەد ئىبنى ئەبى تەۋبە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەئرۇف دېگەن :كىشى نامازغا تەكبىر ئېيتىپ بولۇپ، ماڭا

— ئالدىغا چىقىپ ئىمام بولغىن، — دېدى. مەن ئۇنىڭغا:

ئەگەر مەن سىلەرگە بۇ نامازنى ئوقۇپ بەرسەم، سىلەر بىلەن ئۇنىڭدىن— : دېدىم. مەئرۇف— باشقا ناماز ئوقۇيالمايمەن

ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ ئۇزۇن ئارزۇ قىلىشتىن پاناھ تىلەيمىز، چۈنكى— .» دېدى— ئارزۇنى ئۇزۇن قىلىش ياخشى ئەمەل قىلىشتىن توسىدۇ

بۇلار بولسا زاھىدلارنىڭ ئارزۇنى ئاز قىلىش ھەققىدىكى ئەھۋاللىرىدۇر. ئارزۇ قانچە ئاز بولسا، ئەمەل قىلىش شۇنچە كۆپ بولىدۇ. چۈنكى، ئارزۇنى ئاز قىلغۇچى بۈگۈن ئۆلۈپ كېتىشىنى ئويلايدۇ. ھازىر ئۆلۈپ قالىدىغان ئادەمدەك ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىدۇ. كەچ بولغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ سالامەت قىلغىنىغا شۈكۈر قىلىدۇ ۋە «بۈگۈن كېچە ئۆلۈپ كېتىمەن» دەپ ئويلاپ، ئەمەل قىلىشقا. ئالدىرايدۇ

ئەمەل قىلىشقا ئالدىراشنىڭ بايانى ۋە ئەمەل قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئاپىتى توغرىسىدا

يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق.»دېگەن: «سىلەر ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق كۈتكەن ھالەتتە ئۆلۈڭلار

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەكراتتىكى :بىر كىشىنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا

— ئۆزۈڭنى قانداق ھېس قىلىۋاتىسەن؟ — دەيدۇ، ئۇ كىشى:

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمەن ۋە گۇناھلىرىمدىن— : دەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم— قورقۇۋاتىمەن

بۇ ئىككىسى بىر بەندىنىڭ قەلبىدە تەڭ توپلانسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا— ئۈمىد قىلغان نەرسىسىنى بېرىدۇ ۋە ئۇنى قورققان نەرسىسىدىن ئەمىن قىلىدۇ .» دەيدۇ— سەكراتتىكى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش ئەۋزەلدۇر چۈنكى، قورقۇنچ بولسا ھەيدىلىدىغان بىر قامچىدۇر. ئۆلۈم كەلگەندە، كۆز توختاپ قالىدۇ. شۇڭا، كۆزىگە مېھرىبانلىق قىلىشى كېرەك. شەيتان شۇ چاغدا بەندىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بولۇۋاتقان ئىشلار ھەققىدە بەندىنى ئاللاھ تائالاغا نارازى قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئىشلاردىن ئۇنى قورقۇتىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئورۇندا ئاللاھ تائالادىن ئۈمىدۋارلىق دۈشمەننى دەفئ قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك. قورال ھېسابلىنىدۇ.

سۇلايمان ئەتتەيمىي ئۆلۈمىنى سەزگەندە، ئوغلىغا: «ئى ئوغلۇم! ئاللاھ تائالا بىلەن ئۈمىدۋار ھالەتتە ئۇچرىشىشىم ئۈچۈن، ماڭا رۇخسەتلەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن» دېگەن ئىدى

ئىككىنچى باب: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە توغرا يولدا بولغان خەلىپىلەرنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا

بۆلۈم: “ئىككىنچى باب: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە توغرا يولدا بولغان خەلىپىلەرنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا”

»«رەسۇلۇللاھ ئەلبەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر شۇنى بىلگىنكى، بارچە ئەھۋاللار . ھەممىگە مەئلۇمكى، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مەخلۇقاتلار ئىچىدە «33ئەھزاب-21» .رەسۇلۇللاھتىنمۇ سۆيۈملۈك ھېچكىم يوقتۇر

شۇنداق تۇرۇپ ئاللاھ تائالا رەسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەجىلى توشقاندا كېچىكتۈرمەي ئېلىپ كەتتى. ئۇ زات ئۆلۈم ئاغرىقىنى تارتتى. ئىمام بۇخارىي ئۆز «جامىئۇسسەھىھ»ىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا ياغاچتىن ياكى تېرىدىن ياسالغان، ئىچىدە سۇ بار بىر :قاچا بار ئىدى. ئۇ زات قولىنى قاچىغا تىقىپ، قولى بىلەن يۈزىنى سۈرتۈپ ›‹ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئۆلۈمنىڭ ھەقىقەتەن سەكرات ئاغرىقلىرى باردۇر.»دېدى

:«بۇخارىي»دىكى يەنە بىر ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ئاغرىق ئارىلاپ قاتتىق بىئارام قىلغىلى تۇردى، قىزى فاتىمە- رەسۇلۇللاھنى ئارىلاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ‹ۋاي ئاتامنىڭ بىئاراملىقى!› دېگىلى تۇرغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ئەمدى بۈگۈندىن كېيىن ئاتىڭىزغا.»بىئاراملىق يوق› دېدى

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەن: لىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ «بىز ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە توپلاندۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە قاراپ ياش تۆكتى. ئاندىن بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆلۈم :خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ

خۇش كەپسىلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرنى سالامەت قىلسۇن، سىلەرنى ئۆز—

پاناھىدا ساقلىسۇن. سىلەرنى جەم قىلسۇن، سىلەرگە ياردەم بەرسۇن. سىلەرنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن ۋە سىلەرگە مەنپەئەت بەرسۇن. ماقامىڭلارنى كۆتۈرسۇن. سىلەرنى ساغلام قىلسۇن. سىلەرگە ئاللاھ تائالادىن قورقۇشنى — ۋەسىيەت قىلىمەن، ئاللاھ تائالاغا سىلەرنى تاپىلايمەن ۋە تاپشۇرىمەن :دېگەنىدى، بىز

دېدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ— ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ئەجەل خەۋىرىمۇ؟— :ئەلەيھى ۋەسەللەم

ئەجەل يېقىنلاشتى. ئاللاھ تائالا تەرەپكە، سىدرەتۇل مۇنتەھاغا، جەننەتۇل— : دېدى. بىز— مەئۋاغا، ئالىي فىردەۋس جەننىتىگە قايتىش ۋاقتى يېقىنلاشتى

. دېدۇق— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! جانابلىرىنى نېمىدە كېپەنلەيمىز؟— :پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

خاھلىساڭلار مېنىڭ بۇ كىيمىمدە ياكى يەمەندىن كەلتۈرۈلگەن يوللۇق— : دېدى. بىز— توندا، ياكى ئاق رەختتە كېپەنلەڭلار

دېدۇق ۋە— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! نامازلىرىنى كىم چۈشۈرسۇن؟— :يىغلىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

ئالدىرىماڭلار! ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن! سىلەرگە پەيغەمبىرىڭلاردىن— ياخشى مۇكاپات بەرسۇن! مېنى يۇيۇپ، كېپەنلەپ بولغاندىن كېيىن، قەبرەمنىڭ يېنىدىكى ئۇشبۇ تەختىراۋانغا قويۇڭلار! ئاندىن يېنىمدىن بىر مۇددەت چىقىپ تۇرۇڭلار! چۈنكى، مېنىڭ نامىزىمنى ئەۋۋەلا دوستۇم ۋە يارەنىم جىبرىل، ئەلەيھىسسالام، ئاندىن مىكائىل ئەلەيھىسسالام، ئاندىن ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام ئاندىن ئەزرائىل ۋە ئاندىن باشقا كۆپ پەرىشتىلەر چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن توپ بولۇپ كىرىڭلار! ئاندىن نامىزىمنى چۈشۈرۈڭلار- سىلەر مېنىڭ يېنىمغا توپ پەرياد چېكىش، ياكى ئۈن- ۋە سالام يوللاڭلار! مېنى مەدھىيەلەش ياكى داد سېلىپ يىغلاش بىلەن ماڭا ئەزىيەت بەرمەڭلار! ماڭا ئاۋۋال ئەھلى بەيتىمدىن. ئەرلەر ناماز ئوقۇسۇن! ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ئاندىن سىلەر ناماز ئوقۇڭلار ساھابەلىرىمدىن بۇ يەردە يوقلارغا ۋە مېنىڭ دىنىمغا قىيامەت كۈنىگىچە ئەگەشكەنلەرگە سالامىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭلار! بىلىڭلاركى! مەن ئىسلامغا كىرگەن.»ھەربىر كىشىگە سالام يوللىغىنىمغا سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەن

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن :ئۇنىڭ يېنىغا جىبرىل ئەلەيھىسسالام كىرىپ مۇنداق دېگەن

: ئى ئەھمەد! ئاللاھ تائالا ئەھۋالىڭنى بىلىپ تۇرۇپ، مېنى يېنىڭغا— ‹ئۆزۈڭنى قانداق ھېس قىلىۋاتىسەن؟› دەپ سوراپ بېقىشىم ئۈچۈن ئەۋەتتى : دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ— ئى جىبرىل! ئۆزۈمنى قايغۇلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن. ئى جىبرىل! ئۆزۈمنى— دېدى. جىبرىل— ئەلەمگە مۇپتىلا بولغان ھالەتتە ھېس قىلىۋاتىمەن- دەرد ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى كۈنى كېلىپ يەنە شۇنداق دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھمۇ .ئوخشاش جاۋابنى بەردى. جىبرىل ئۈچىنچى كۈنى يەنە كېلىپ سۆزىنى قايتىلىدى رەسۇلى ئەكرەممۇ يەنە ئوخشاش جاۋابنى بەردى. شۇ ۋاقىتتا ئۆلۈم پەرىشتىسى :كىرىشكە رۇخسەت سورىدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام

، ئى ئەھمەد! ھازىر ئۆلۈم پەرىشتىسى يېنىڭغا كىرىشكە رۇخسەت سوراۋاتىدۇ— سەندىن ئىلگىرى بىرەر ئادەمنىڭ يېنىغا كىرىشكە رۇخسەت سوراپ باقمىغان ۋە دېدى — سەندىن كېيىن بىرەر ئادەمنىڭ يېنىغا كىرىشكە رۇخسەت سورىمايدۇ :پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

دېدى. ئۆلۈم پەرىشتىسى كىرىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ— كىرسۇن— :ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ

. مېنى يېنىڭغا ئاللاھ تائالا ئەۋەتتى ۋە مېنى ساڭا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇدى— ئەگەر جېنىڭنى ئېلىشىمغا بۇيرۇساڭ، جېنىڭنى ئالىمەن. ئەگەر جېنىڭنى دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى— ئالماسلىققا بۇيرۇساڭ ئالمايمەن :ۋەسەللەم

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: — ئى ئۆلۈم پەرىشتىسى! شۇنداق قىلامسەن؟ — دېگەنىدى، ئۆلۈم پەرىشتىسى: — مەن ساڭا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم — دېدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام: — ئى ئەھمەد! ئاللاھ تائالا سېنى سېغىندى — دېدى. رەسۇلۇللاھ: — ئى ئۆلۈم پەرىشتىسى! بۇيرۇلغان ئىشنى ئىجرا قىلغىن — دېدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام: — ساڭا سالام! ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ مېنىڭ زېمىندىكى ئەڭ ئاخىرقى قەدىمىمدۇر. مەن دۇنياغا سېنى دەپ چۈشەتتىم — دېدى.»

ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كۆكسىگە يۆلەنگەن ھالىتىدە ۋاپات بولدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈستىدە ياماق. سېلىنغان بىر ئۈست كىيىم ۋە قېلىن بىر تامبال بار ئىدى

فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاتىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا :مۇنداق مەرسىيە ئوقۇغانىدى

!چاقىرغان رەببىگە ئىجابەت قىلغان دادام !ئورنى فىردەۋىس جەننەتى بولغان دادام، جىبرىلغا ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزىمىز !رەببىگە بەك يېقىن بولغان دادام

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەپنە قىلىنغاندا، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئى ئەنەس! ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈستىگە .توپا چېچىشقا قانداق كۆڭلۈڭلار ئۇنىدى!» دېگەن

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى :ۋەسەللەمگە مەرسىيە ئوقۇپ مۇنداق دېگەن، نەبىيىمنى كۆرگەنىمدە ياتار ئەردى ،ئەمدى كەڭرى زېمىن ماڭا تار بولدى ،ھەق رەسۇلغە شەيدا ئىدىم، بەك چۆچۈدۈم. دەرمانىم يوق، بەش ئەزايىم سۇندى قالدى

،قېرىدىڭمۇ قارا تۇپراق ئالار دوستۇڭ، چېكىپ ھەسرەت يالغۇزلۇق ئەجەب باستى ،ۋادەرىخا! ھەبىبىم ئۆلمەي تۇرۇپ. ئىز قالدۇرۇپ قەبرەمدە تاش ياتسا ئىدى

) «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە158/2 ،»(«ئەلئىتھاف .) «توقۇلما» دېگەن5384 .)2080( )؛ مۇسلىم3108( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا

ئەبۇلمەلىھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپاتى يېقىنلاشقاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەلگەندە، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ‹مەن ساڭا ۋەسىيەت قىلماقچىمەن، ئۇنى قوبۇل قىلغىن! كېچىدە ئاللاھ تائالانىڭ كۈندۈزى قوبۇل قىلمايدىغان ھەققى بولىدۇ. كۈندۈزدە ئاللاھ تائالانىڭ كېچىسى قوبۇل قىلمايدىغان ھەققى بولىدۇ. پەرزنى ئادا قىلمىغۇچە ئاللاھ تائالا نەپلە ئەمەلنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاخىرەتتە «تارازىسى ئېغىر كەلگەن كىشىلەر» «101قارىئە-6» دۇنيادا ھەقكە ئەگەشكەنلىكى ۋە ھەق ئۇلارغا ئېغىر باسقانلىقى ئۈچۈنلا تارازىسى ئېغىر كېلىدۇ. ھەقىقەت قويۇلغان تارازىنىڭ ئېغىر كېلىشى ھەقتۇر. «تارازىسى يەڭگىل كەلگەن كىشىلەرنىڭ» «101قارىئە-8»؛ «7ئەئراف-9»؛ «23مۇئمىنۇن-104» تارازىسى دۇنيادا باتىلغا ئەگەشكەنلىكى، باتىلنىڭ ئۇلارغا يەڭگىل بولغانلىقى ئۈچۈن يەڭگىل كېلىدۇ. باتىل قويۇلغان تارازىنىڭ يەڭگىل كېلىشى ھەقتۇر

، بەندە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە قىزىققۇچى، ئازابىدىن قورققۇچى بولۇشى نەپسىنى ھالاكەتكە تاشلىماسلىقى ۋە ئاللاھ تائالادىن خاتا ئۈمىدلەرنى قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۈمىد ئايىتىنى قاتتىق تەھدىت ئايىتىنىڭ قېشىدا، قاتتىق تەھدىت ئايىتىنى ئۈمىد ئايىتىنىڭ قېشىدا چۈشۈرگەنلىكىگە قارىغىنا؟! سەن مېنىڭ بۇ ۋەسىيىتىم بويىچە ئىش قىلىدىغان بولساڭ، كۆزۈڭ، كۆرمىگەن نەرسىلەر ئىچىدىن ساڭا ئۆلۈمدىنمۇ سۆيۈملۈكى بولمايدۇ. چۈنكى سەن ئۇنى ھامان تېتىماي قالمايسەن. ئەگەر سەن بۇ ۋەسىيتىمنى زايە قىلىدىغان بولساڭ، كۆزۈڭ كۆرمىگەن نەرسىلەر ئىچىدىن ساڭا ئۆلۈمدىن يامان كۆرۈلىدىغىنى بولمايدۇ. سەن ئۇنى ھامان تېتىماي قالمايسەن. سەن ئۇنىڭدىن قېچىپ.»›قۇتۇلالمايسەن

دەرلەركى: ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ بېيىتنى ئوقۇغانىكەن: «قەسەم قىلىمەن! جان چىقىپ ھەلقۇمغا كېلىپ، كۆكسى قاتتىق سىقىلغاندا، ياش يىگىتكە بايلىق ھېچ ئەسقاتماس». ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى ئاڭلاپ يۈزىنى ئېچىپ: — ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق دەڭ: «ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ)، سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ» «50قاف-19» — دېدى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە: «مېنىڭ بۇ ئىككى كىيىمىمگە قاراڭلار! ئىككىسىنى يۇيۇپ، مېنى شۇنىڭدا كېپەنلەڭلار. چۈنكى تىرىك كىشى ئۆلۈككە قارىغاندا يېڭى كىيىمگە بەكرەك موھتاجدۇر» دېدى.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «(ئاتام) ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەنجەر ئۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆيگە ئېلىپ كېلىندى. ئۇ شۇ خەنجەر زەربىسى بىلەن ۋاپات بولغان ئىدى. بىر كۈنى (ئاتام) بېشى مېنىڭ كۆكسۈمگە :يۆلەنگەن ھالدا ماڭا

— مەڭزىمنى يەرگە قويغىن، — دېدى. مەن:

! بېشىڭ مېنىڭ كۆكسۈمدە بولسۇن ياكى يەردە بولسۇن، ئوخشاش ئەمەسمۇ؟— دېدىم. مەن ئۇنى مېنى مالال قىلماسلىق ئۈچۈن دېدى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ— :دېگىنى بويىچە قىلمىغان ئىدىم. ئۆمەر

— ھەي يېتىم! مەڭزىمنى يەرگە قويغىن! رەببىم ماڭا رەھىم قىلمىسا، ۋاي مېنىڭ ھالىمغا! ۋاي ئانامنىڭ ھالىغا! (يەنى ئانامنىڭ مېنى تۇغقانلىقى ئۈچۈن) — دېدى. يەنە رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەنجەر ئۇرۇلۇپ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن كىشىلەر كېلىپ ئۇنى ماختىدى. كەلگەنلەر :ئىچىدە بىر ياش يىگىت بار ئىدى. ئۇ ياش يىگىت

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ تائالا تەرەپتىن كەلگەن بېشارەتكە خۇشال— بولغىن. سەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەمراھ بولدۇڭ. مەن سېنىڭ ئىسلامغا باشتىلا كىرگەنلىكىڭنى بىلىمەن. ئاندىن سەن خەلىفە قىلىندىڭ : دېدى. ئۆمەر— ۋە ئادىل بولدۇڭ، مانا ئەمدى شەھىدلىككە نائىل بولىسەن

مەن بۇ ئىشلارنىڭ مېنىڭ نە زىيىنىمغا ۋە نە پايدامغا بولۇشىنى ئارزۇ— : دېدى. ئاندىن— قىلمايمەن

.)35622( ئىبنى ئەبى شەيبە

ئى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر! مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ— ئەنھانىڭ يېنىغا بارغىن ۋە ئۇنىڭغا: ‹ئۆمەر سىزگە سالام دەيدۇ› دېگىن ‹مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى سالام دەيدۇ› دېمىگىن. چۈنكى، مەن بۈگۈن مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەمەسمەن. ئائىشەگە يەنە: ‹ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۆزىنىڭ ئىككى دېدى — ھەمراھىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىشقا رۇخسەت سورايدۇ› دېگىن شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يۈرۈپ كەتتى ۋە سالام قىلىپ ئائىشەنىڭ يېنىغا كىرىشكە رۇخسەت سورىدى. ئاندىن ئائىشەنىڭ يېنىغا كىردى. ئائىشە :ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقان ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئائىشەگە.

ئۆمەر سىزگە سالام دەيدۇ ۋە ئىككى ھەمراھىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىنىشىغا— : دېگەنىدى، ئائىشە— سىزدىن رۇخسەت سورايدۇ

ئۇ ئورۇننى مەن ئۆزۈمگە قالدۇرغان ئىدىم. بۈگۈن ئۇ ئورۇننى ئۆمەرگە— : دېدى. ئابدۇللاھ ئائىشەنىڭ يېنىدىن كەلگەندە، ئۆمەرگە— ئۆتۈنىمەن

— ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر كەلدى — دېيىلگەنىدى، ئۆمەر:

دېدى. ئاندىن ئۇنى بىر ئادەم ئۆزىگە يۆلەپ— مېنى كۆتۈرۈڭلار— :تۇرغۇزدى. ئۆمەر

— قانداق بولدى؟ — دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر:

مۇرادىڭ ھاسىل بولدى، ئائىشە سېنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى— ۋەسەللەم بىلەن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىشىڭغا : دېدى. ئۆمەر— رۇخسەت قىلدى

ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ماڭا بۇنىڭدىن سۆيۈملۈك ھېچنەرسە— يوقتۇر. مەن ئۆلگەندىن كېيىن جىنازەمنى كۆتۈرۈڭلار، ئاندىن ئائىشەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئائىشەگە سالام قىلىڭلار ۋە ‹ئۆمەر ئىبنى خەتتاب كىرىشكە رۇخسەت سورايدۇ› دەڭلار. ئەگەر ئائىشە رۇخسەت قىلسا، مېنى ئۆيگە كىرگۈزۈڭلار، ئەگەر.» دېدى— رەت قىلسا مېنى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىڭلار

«مۇسلىم»دا رىۋايەت قىلىنغان مىسۋەر ئىبنى مەخرەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىسىدە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئەگەر مېنىڭ زېمىنغا لىق كەلگۈدەك ئالتۇنۇم بولىدىغان بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى »كېلىشتىن بۇرۇن (قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئۇنى سەدىقە قىلىۋەتكەن بولاتتىم

دېگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئەگەر چىققان قۇياشقا ياكى پاتقان قۇياشقا شاھىد بولغان نەرسىلەر (يەنى ھەممە نەرسە) مېنىڭ بولغان »تەقدىردىمۇ، ئەلبەتتە ئۇنى ئۆلۈمنىڭ قورقۇنچىسىغا فىدىيە قىلغان بولاتتىم. دېگەندۇر

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى نائىلە بىنتى فەرافىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا. مۇنداق دېگەن: «ئوسمان ئۆلتۈرۈلۈشتىن بىر كۈن ئىلگىرى روزا تۇتقان ئىدى ئىپتار ۋاقتى كەلگەندە، ئۆينى قورشىۋالغانلاردىن تاتلىق سۇ بېرىشىنى تەلەپ. قىلدى، ئەمما ئۇلار بەرمىدى. ئوسمان شۇ سەۋەبتىن ئىپتار قىلماي ئۇخلىدى سەھەر ۋاقتى بولغاندا، مەن ئۆگزىمىز تۇتاش ئايال قوشنىلىرىمنىڭ ئۆيلىرىگە .كىرىپ تاتلىق سۇ سورىدىم. ئۇلار ماڭا كىچىك بىر ساپلا قاچىدا سۇ بەردى .مەن سۇنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ، ئوسماننى مىدىرلاتقان ئىدىم، ئۇ ئويغاندى مەن ‹مانا تاتلىق سۇ› دېدىم. ئوسمان بېشىنى كۆتۈرۈپ تاڭغا قارىدى ۋە: ‹مەن. روزا تۇتتۇم، ماڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ تورۇستىن كۆرۈندى :ئۇنىڭ قولىدا تاتلىق سۇ بار ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ”ئىچكىن“ دېدى. مەن سۇ ئىچىپ قاندىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”يەنە ئىچكىن“ دېدى. مەن يەنە ئىچىپ ئىككىنچى قېتىم سۇغا قاندىم. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”بۇ كىشىلەر سېنى .ئىنكار قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشساڭ، ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىسەن ئەگەر ئۇرۇشمىساڭ، بىزنىڭ قېشىمىزدا ئىپتار قىلىسەن“ دېدى›». ئوسماننىڭ.»ئايالى دەيدۇ: «ئۇلار شۇ كۈنى كىرىپ ئوسماننى ئۆلتۈرۈۋەتتى

ئەلائ ئىبنى فۇزەيل دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭ ئاشلىق سېڭىنى ئاختۇردى. ئۇلار ساڭدىن قۇلۇپ سېلىنغان بىر ساندۇقنى تاپتى ۋە

.) رىۋايەت قىلغان3692( بۇنى مۇسلىم ئەمەس، بۇخارىي

.)4378( ،»)؛ ئىبنى ھەجەر: «ئەلمەتالىبۇل ئالىيە1302( ،»ئىبنى ئەبى ئاسىم: «سۈننەت

.)1302( ،»ئالبانىي: «زىلالۇلجەننە

ساندۇقنى ئاچتى. ساندۇقتا بىر كىچىك قاچىدا بىر ۋاراقچە بار بولۇپ، ۋاراقچىدە :مۇنۇلار يېزىلغانىدى

‹بۇ ئوسماننىڭ ۋەسىيەتنامىسىدۇر، ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)، ئوسمان ئىبنى ئەففان گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسىدۇر، جەننەت ھەقتۇر، جەھەننەم ھەقتۇر. بولۇشى ،شەكسىز بىر كۈندە ئاللاھ تائالا قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ چىقىرىدۇ ئاللاھ تائالا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. بىز بۇ گۇۋاھلىق ئۈزرە ياشايمىز، شۇ .»›گۇۋاھلىق ئۈزرە ئۆلىمىز ۋە شۇ گۇۋاھلىق ئۈزرە تىرىلىمىز، ئىنشائاللاھ

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى

شەئبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىلىچ :ئۇرۇلغاندىن كېيىن

— ماڭا قىلىچ ئۇرغۇچىغا نېمە بولدى؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— بىز ئۇنى تۇتتۇق، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

. ئۇنى مېنىڭ تامىقىم بىلەن تاماقلاندۇرۇڭلار، ئىچىملىكىمدىن ئىچۈرۈڭلار— ئەگەر مەن ياشاپ قالسام، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزۈم قارار قىلىمەن. ئەگەر ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇنى پەقەت قىلىچ بىلەن بىر قېتىم ئۇرۇڭلار، ئۇنىڭدىن زىيادە دېدى. ئاندىن ئوغلى ھەسەنگە ئۆزىنى يۇيۇشنى ۋەسىيەت قىلدى— ئۇرماڭلار :ۋە مۇنداق دېدى

كېپەننى بەك قىممەت قىلمىغىن! چۈنكى، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ— ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹كېپەننى بەك قىممەت قىلماڭلار. چۈنكى، كېپەن ناھايىتى تىز تارتىلىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. مېنى ئېلىپ ماڭغاندا بەك تېز ياكى بەك ئاستا ئېلىپ ماڭماڭلار. ئەگەر ياخشىلىق بولسا، مېنى ياخشىلىققا ئالدىراپ ئاپارغان بولىسلەر. ئەگەر يامانلىق بولسا، مېنى مۈرەڭلاردىن تاشلىغان.»بولىسىلەر

ضور عند ح وصايا ا لعلماء ( ئىبنى زىبر رىبئىي: «ئۆلىمالارنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى ۋەسىيەتلىرى

. بەت- 40 ،»)ا لموت

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىلىچ ئۇرۇلغان كېچىسى تاڭ ئاتقاندا، ئىبنى تەيياھ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى نامازغا ئويغاتتى، ئەلى ئېغىر ياتقان ئىدى. ئىككىنچى قېتىم يەنە كەلدى، ئەلى ئىلگىرىكى ھالىتىدە ئىدى. ئۈچىنچى قېتىم يەنە كەلگەندە، ئەلى ئورنىدىن :تۇرۇپ ماڭغاچ مۇنداق دېدى

،كەرگىن ئۆلۈمگە كۆكسىڭنى ئۆلۈم ئۇچراشقۇچىدۇر ساڭا، تاشلا ئۆلۈمدىن زارلىنىشىڭنى .چۈشكەن بولسا ئۆزەڭگە ئاڭا

ئەلى مەسجىدنىڭ كىچىك ئىشىكىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئابدۇرراھمان ئىبنى .مۇلجەم دېگەن خەۋارىج ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا قىلىچ زەربىسىنى ئۇردى

ساھابەلەرگە ۋە ئۇلاردىن باشقا كىشىلەرگە ئۆلۈم كەلگەندە ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى ۋە قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدا

ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئۆلۈم كەلگەندە: «مېنىڭ كۆرپەمنى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ چىقىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن كۆرپە ھويلىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلدى. ئاندىن ھەسەن: «ئى ئاللاھ! مەن ئۆزۈم سەۋەبلىك سەندىن ساۋاب ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، مەن بۇنىڭدەك ئېغىر بىر مۇسىبەتكە .ئۇچراپ باقمىدىم» دېدى

سۆزلىرىنى— ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن— بىز يۇقىرىدا تۆت خەلىپىنىڭ. تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق، رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆلۈم كەلگەندە :يېنىدىكىلەرگە

— قاراڭلارچۇ! تاڭ ئاتتىمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇنىڭغا:

— تاڭ ئاتماپتۇ، — دېدىلەر. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنىڭغا:

— تاڭ ئېتىپتۇ — دېيىلدى. ئاندىن مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

.)14( ،»ئىبنى ئەبىددۇنيا: «مەقتەلى ئەلى .)124( ،»)سبة انل فس حما( ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش

ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ ئەتىگەنلىكى جەھەننەمگە ئېلىپ بارىدىغان— كېچىدىن پاناھ تىلەيمەن، دېدى. ئاندىن: «خۇش كەپسىز ئۆلۈم! ئى ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلغۇچى! ئى دەل ۋاقتىدا كەلگەن مەھبۇب! ئى ئاللاھ تائالا! مەن سەندىن قورقاتتىم، بۈگۈن سەندىن ئۈمىدۋارمەن. ئى ئاللاھ تائالا! سەن مېنىڭ ئۆستەڭ چېپىشىم، دەرەخ تىكىشىم ئۈچۈن ئەمەس، قاتتىق ئىسسىقلاردا ئۇزۇن ۋاقىت ئۇسسۇز قېلىشىم، قىشنىڭ كېچىلىرىدە قىيامدا تۇرۇشۇم، ھەر سائەتتە ئىبادەت قىلىشىم ۋە زىكىر سورۇنلىرىدا تىزلىنىپ ئالىملارغا قىستىلىشىپ ئولتۇرۇشۇم ئۈچۈن. دۇنيادا قېلىپ قېلىشنى ۋە دۇنيانى ياخشى كۆرگەنلىكىمنى بىلىسەن» دېدى

ئەبۇ مۇسلىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇ جان تەسلىم قىلىۋاتقان ئىدى. ئەبۇددەردائ: ‹مەن غۇلاپ چۈشۈۋاتقان ئورۇن ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئادەم بارمۇ؟ مېنىڭ بۇ كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئادەم بارمۇ؟ مېنىڭ بۇ سائىتىم ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئادەم بارمۇ؟ › دەيتتى ۋە شۇ ھالىتىدە قەبزى روھ قىلىندى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا .)(»رەھمەت قىلسۇن

سالمان ئەلفارسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلۈم كەلگەندە يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا:

— نېمىشقا يىغلايسەن؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بىزنىڭ ئوزۇقىمىزنىڭ— يولۇچىنىڭ ئوزۇقىغا ئوخشاش ئوزۇق بولۇشىنى ۋەسىيەت قىلغان ئىدى، ھالبۇكى دېدى — مېنىڭ ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئوزۇقلار بار، شۇڭا يىغلىدىم

ئۇنىڭ قېشىدا پەقەت بىر داس، بىر قاچا ۋە تاھارەت ئالىدىغان بىر ئىۋرىق. بار ئىدى، دېيىلىدۇ

مۇزەنىي رەھىمەھۇللاھ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

مەن شافىئىي رەھىمەھۇللاھ سەكراتتىكى چېغىدا يېنىغا كىرىپ:

— قانداقراق قوپتىلا؟ — دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ:

دۇنيادىن سەپەر قىلغۇچى، قېرىنداشلاردىن ئايرىلغۇچى، يامان ئەمىلىمگە—

.)1003( ،»ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد . بەت- 56 ،»ئىبنى زىبر رىبئىي: «ئۆلىمالارنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى ۋەسىيەتلىرى

ئۇچراشقۇچى، ئۆلۈم شارابىنى تېتىغۇچى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا بارغۇچى ،بولۇپ تاڭ ئاتقۇزدۇم. جانىم جەننەت تامان ماڭامدۇ، بىلمەيمەن؟! بىلسەم ئىدىم جانىمنى تەبرىكلەيتتىم. ياكى جەھەننەم تامان ماڭامدۇ بىلمەيمەن؟! جەھەننەمسېرى دېدى — ماڭسا، جانىمنى سەبر قىلىشقا ئۈندەيتتىم

ئاندىن مۇنداق دېدى:

،ئىلاھا، قەلبىم قاتتى، يولۇم بولدى تار، ئەۋف ئەيلە، ئۈمىدىمنى قىلدىم ۋاسىتا، گۇناھىم تاغ مىسال، قەلبىم قاپقارا، ئەۋفىڭنىڭ ئالدىدا گۇناھىم زەررە ،ھەمىشە ئەۋف سېنىڭ، ئىكرام ھەم سېنىڭ. ئېھسان قىل يارەب ئومۇمىي سېخىيلىقىڭدە

قەبرە ئەھۋالى ۋە سەلەف سالىھلەرنىڭ قەبرە بېشىدا ئېيتقان سۆزلىرى توغرىسىدا

ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرىلەر يېنىدا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭدىن نېمىشقا قەبرە بېشىدا ئولتۇرغانلىقى سورىغانىدى، ئەبۇددەردائ: «ماڭا ئاخىرىتىمنى ئەسلىتىدىغان، مەن كەتكەندىن كېيىن غەيۋىتىمنى قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ. يېنىدا ئولتۇرۇۋاتىمەن» دېدى

مەيمۇن ئىبنى مىھران مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىلەن. قەبرىستانلىققا چىقتىم. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز قەبرىلەرگە قاراپ يىغلاپ كەتتى - ئاندىن ماڭا قاراپ: ‹ئى مەيمۇن! مانا بۇلار بەنى ئۇمەييە جەمەتىنىڭ ئاتا پاراغەتتە ھەمشېرىك- بوۋىلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن راھەت دۇنيا ئەھلى تەرىپىدىن ئۇنتۇلدى. ئۇلارنىڭ ھالاكىتىگە قارىمامدىغان؟! ئۇلارغا مۇسىبەتلىرى قاتتىق بولدى. ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى- ئازابلار چۈشتى. بالا ھاشاراتلار يەپ ئارام ئالدى› دېدى. ئاندىن يىغلاپ تۇرۇپ: ‹بۇ قەبرىگە كىرىپ بولغان ۋە نېئمەت بېرىلگەن كىشىلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن.»ئەمىن بولغانلىقىنى بىلمەيمەن› دېدى

قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش، ئۆلگەنلەرگە دۇئا قىلىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا

قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ،ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ‹قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىڭلار، چۈنكى .›قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش سىلەرگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ

كىشى قەبرەنى زىيارەت قىلسا، مەرھۇمنىڭ يۈزىگە يۈزلەنسۇن. قۇرئاندىن بەزى ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ئوقۇغان ئايەتلەرنىڭ ساۋابىنى ھەدىيە قىلسۇن. ۋە قەبرىستانلىقنى جۈمە كۈنىدە زىيارەت قىلسۇن

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاسىم جەھدەرىي ئۆلۈپ كېتىپ بىرنەچچە يىللاردىن :كېيىن، بىر يېقىنى ئۇنى چۈشىدە كۆرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن

— سەن ئۆلۈپ كەتكەن ئەمەسمىدىڭ؟ — دەپ سوراپتۇ، ئۇ:

— شۇنداق — دەپتۇ. يېقىنى:

— قەيەردىسەن؟ — دەپ سوراپتۇ. ئاسىم:

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدا— تۇرۇۋاتىمەن. مەن ۋە بىرنەچچە نەپەر ھەمراھىم ھەر پەيشەنبە كېچىسى ۋە جۈمە ،ئەتىگىنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلمۇزەنىي رەھىمەھۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ دېدى. ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: مەن— سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى سورىشىمىز :ئۇنىڭغا

، دېگەنىدىم— سىلەرنىڭ بەدەنلىرىڭلار ئۇچرىشامدۇ ياكى جانلىرىڭلارمۇ؟— :ئۇ

— ياق! بەدەنلەر چىرىپ كېتىپ بولدى. پەقەت جانلار ئۇچرىشىدۇ— :دېدى. مەن

— بىزنىڭ سىلەرنى زىيارەت قىلغىنىمىزنى بىلەمسىلەر؟ — دېدىم. ئۇ:

زىيارەت قىلغىنىڭلارنى پەيشەنبە كېچىسى ۋە جۈمە پۈتۈن كۈن ۋە شەنبە— : دېدى. مەن— كۈنى قۇياش چىقىپ بولغۇچە بولغان ۋاقىتتا بىلىمىز

. دېدىم— نېمىشقا باشقا كۈنلەردە ئەمەس، مۇشۇ كۈنلەردىلا بىلەلەيسىلەر؟—

ئۇ:

دەپ جاۋاب— جۈمە كۈنىنىڭ شەرىپى ۋە ھۆرمىتى يۈزىدىن شۇنداقتۇر— .بەردى

ئوسمان ئىبنى سەۋدە ئەتتۇفاۋىي رەھىمەھۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇ: «مېنىڭ ئانام ئىبادەتگۇي ئاياللاردىن ئىدى. ئۇنىڭغا: ‹ئابىدە› دېيىلەتتى. ئانامغا ئۆلۈم :كەلگەندە، بېشىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ

‹ئى بايلىقلىرىم! ئى ساقلاپ قويغان ئىبادەتلىرىم! ئى ھاياتىمدا ۋە ئۆلۈمۈمدە تايىنىدىغان زات! مېنى ئۆلەر ۋاقتىمدا خار قىلمىغىن! قەبرەمدە مېنى يالغۇز قويمىغىن!› دېدى ۋە ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئانامنىڭ قەبرىسىگە ھەر جۈمە كۈنى كېلىپ، ئانامغا دۇئا قىلاتتىم. ئانامغا ۋە قەبرە ئەھلىگە مەغپىرەت تىلەيتتىم. بىر :كېچىسى چۈشۈمدە ئانامنى كۆردۈم ۋە ئانامغا

— ئى ئانا! قانداقراقسىز؟ — دېدىم. ئانام:

ئى ئوغلۇم! ئۆلۈم ھەقىقەتەن قاتتىق ئىكەن. ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار— بولسۇنكى، مەن مەدھىيەلىنىدىغان بەرزەخ دېگەن ئورۇندىمەن. ئۇنىڭغا رەيھانلار چېچىلىدۇ. ئۇنىڭدا قىيامەت كۈنىگىچە يۇمشاق، قېلىن يىپەكلەرگە يۆلىنىپ : دېدى. مەن— ئولتۇرۇلىدۇ

— سىزنىڭ بىرەر ھاجىتىڭىز بارمۇ؟ — دېگەنىدىم، ئانام:

ھەئە، بىزنى زىيارەت قىلىشنى تاشلىمىغىن! سەن ئۆيۈڭدىن جۈمە كۈنىدە !مېنى يوقلىغىلى كەلسەڭ، كەلگەنلىكىڭگە خۇشال بولىمەن. ماڭا: ‹ئى ئابىدە سىزنىڭ بۇ ئوغلىڭىز كەلدى› دېيىلىدۇ. ئاندىن مەن سۆيۈنىمەن ۋە ئەتراپىمدىكى .» دېدى— ئۆلۈكلەرمۇ سۆيۈنىدۇ

بىشر ئىبنى مەنسۇر مۇنداق دېگەن: «جىنازا نامازلىرىدىن قالمايدىغان بىر كىشى بار ئىدى. كەچقۇرۇنلۇقى قەبرىستاننىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ: ‹ئاللاھ !تائالا يالغۇزلۇقۇڭلارغا ئۈلپەت ئاتا قىلسۇن! غېرىبلىكىڭلەرگە رەھمەت قىلسۇن. خاتالىقىڭلارنى ئەپۇ قىلسۇن! ياخشىلىقلىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن!› دەيتتى بۇلاردىن باشقا سۆزلەرنى قىلمايتتى. ئۇ كىشى: ‹مەن مەلۇم بىر كېچە قەبرىستانغا

كەلمەي، ئىلگىرىكىدەك دۇئا قىلمىدىم. شۇ كېچىسى چۈشۈمدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ :يېنىمغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم ۋە ئۇلارغا

— سىلەر كىمسىلەر؟ نېمە ھاجىتىڭلار بار؟ — دېدىم. ئۇلار:

بىز قەبرىستان ئەھلىمىز، سەن بىزگە ھەدىيە ئەۋەتىشكە ئادەتلەنگەن— : دېدى. مەن— ئىدىڭ، لېكىن بۇ كېچە ئەۋەتمىدىڭ

— نېمە ھەدىيە؟ — دېدىم. ئۇلار:

— سەن قىلغان دۇئالار ھەدىيەلەردۇر، — دېدى. مەن ئۇلارغا:

دېدىم ۋە دۇئا قىلىشنى— بۇندىن كېيىن ھەر كېچە دۇئا قىلىمەن— .»تاشلاپ قويمىدىم› دېگەنىكەن

بەششار ئىبنى غالىب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن رابىئە ئەلئەدەۋىييەنى :چۈشۈمدە كۆردۈم، ئۇنىڭغا كۆپ دۇئا قىلاتتىم. رابىئە ماڭا

ئى بەششار! سېنىڭ ھەدىيەلىرىڭ بىزگە نۇردىن بولغان تاۋاقلاردا يىپەك— : دېدى. مەن— لۆڭگىلەر بىلەن يېپىلغان ھالەتتە كېلىدۇ

— بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ — دېدىم. ئۇ:

تىرىكلەر ئۆلۈكلەرگە دۇئا قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنسا، ئۇ— دۇئالار نۇردىن بولغان تاۋاقلار ئۈزرە قىلىنىدۇ ۋە يىپەك لۆڭگىلەر بىلەن يۆگىلىدۇ ئاندىن ئۇ دۇئا ئۆلۈكلەردىن كىمگە قىلىنغان بولسا، شۇنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە .»ئۇنىڭغا: ‹بۇ بولسا پالانىنىڭ سىزگە قىلغان ھەدىيەسى› دېيىلىدۇ، دېدى.

ئۈچىنچى باب: ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى، مېيىت قىيامەت قايىم بولغۇچە قەبرىدە ئۇچرايدىغان ئىشلارنىڭ بايانى

بۆلۈم: “ئۈچىنچى باب: ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى، مېيىت قىيامەت قايىم بولغۇچە قەبرىدە ئۇچرايدىغان ئىشلارنىڭ بايانى”

ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەر ئۆلۈم ھەقىقىتىنىڭ روھنىڭ بەدەندىن ئايرىلىشى ئىكەنلىكىگە، روھ بەدەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن روھنىڭ مەڭگۈ يوقالمايدىغانلىقىغا، روھنىڭ يا ئازابلىنىدىغانلىقى، يا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىغا قايغۇلار بىلەن ئۆزىچە ئەلەم- دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى، روھ بەزىدە تۈرلۈك غەم

خۇراملىقلار- تارتىدۇ ۋەيا ئەزالارغا مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، تۈرلۈك خۇشال بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ. روھنىڭ بارلىق سۈپەتلىرى روھ بەدەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ روھ بىلەن بىللە قالىدۇ. روھنىڭ ئەزالار ۋاسىتىسى بىلەن بولىدىغان ھەرقانداق سۈپىتى بەدەننىڭ ئۆلۈشى بىلەن روھ بەدەنگە قايتىپ بولغۇچە يوقىلىپ كېتىدۇ. قەبرىدە روھنىڭ بەدەنگە قايتۇرۇلۇشى يىراق ئەمەس. روھنىڭ بەدەندە قىيامەت كۈنىگىچە قالدۇرۇلۇشى ھەم يىراق ئەمەس. ئاللاھ تائالا ھەربىر. بەندىسى ئۈچۈن بەرگەن ھۆكمىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر

ئۆلۈمنىڭ مەنىسى «روھنىڭ بەدەننى باشقۇرۇشتىن توختاش، بەدەننىڭ روھقا ۋاسىتە بولۇشتىن چىقىپ كېتىش ۋە ئىنساننى بىئارام قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى »ماللىرىدىن ۋە ئەھلىدىن ئايرىپ، بۇ ئالەمدىن باشقا بىر ئالەمگە ئېلىپ بېرىش. دېمەكتۇر

ئەگەر ئىنساننىڭ دۇنيادا خۇشال بولىدىغان ۋە راھەتلىنىدىغان بىر نەرسىسى بولسا، ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ نەرسە ئۈچۈن بۈيۈك نادامەت چېكىدۇ. ئەگەر ئىنسان پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى بىلەنلا خۇشال بولىدىغان ۋە رەببى بىلەنلا ئۈلپەتلىشىدىغان ئىنسان بولسا، ئۇنىڭ نېئمىتى چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ، سائادىتى مۇكەممەل بولىدۇ- مەھبۇبىنىڭ ئارىسى خالىي قويۇلسا، بەخت شۇنداقلا ئۇ توسالغۇلار ۋە مەشغۇل قىلغۇچى ئامىللاردىن قۇتۇلىدۇ. چۈنكى، دۇنيا. مەشغۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىدىن مەشغۇل قىلغۇچىدۇر

ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم ئۇيقۇسىدا بىخەۋەر نەرسىلەردىن خەۋەردار بولغىنىدەك، كىشى ئۆلۈمدىن كېيىن ھايات ۋاقتىدا بىلمىگەن ئىشلار ئايان. بولىدۇ. ھەقىقەتەن، كىشىلەر بەجايىكى ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلار ئۆلگەندە ئويغىنىدۇ ئىنسانغا تۇنجى ئايان بولىدىغىنى ئۇنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىدىن ئۆزىگە مەنپەئەت بېرىدىغان ۋە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەمەللەردۇر. بۇ ئەمەللەر ئۇنىڭ قەلبىنىڭ يوشۇرۇن بىر يېرىگە يېزىلغان بولۇپ، دۇنيا مەشغۇلاتلىرى ئۇنى كۆرۈشتىن ئۇ كىشىنى مەشغۇل قىلغان ئىدى. دۇنيا مەشغۇلاتلىرى ئۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بارلىق ئەمەللىرى ئايان بولدى. ئۇ ئىنسان بىرەر يامان ئەمىلىگە قارىسا ھەسرەت چېكىپ، ھەتتا شۇ ھەسرەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوتقا چۈشۈشنى تاللىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق نادامەت چېكىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئۆلگەن چاغدا ئاشكارا بولىدۇ. بۇ ئەلەملەر ئاسىي كىشىگە دەپنە قىلىنىشنىڭ ئالدىدا. ھۇجۇم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالادىن سالامەت قىلىشىنى سورايمىز

روھنىڭ ئۆلۈش بىلەن يوقالمايدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى ئاللاھ «ئاللاھنىڭ يولىدا شەھىد بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان :تائالانىڭ بۇ سۆزىدۇر

قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىدىن ئەتىگەن ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇلۇپ «3ئال ئىمران-169» )تۇرىدۇ

مەسرۇق رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىز ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ ئايەت ھەققىدە سورىغانىدۇق، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد. رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹شەھىدلەرنىڭ روھلىرى يېشىل قۇشلارنىڭ پوكىنىدا بولىدۇ قۇشلارنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىغا ئېسىپ قويۇلغان قونداقلىرى باردۇر. ئۇلار جەننەتتە ‹خاھلىغان يەرگە ئۇچۇپ بارىدۇ. ئاندىن ھېلىقى قونداقلارغا قايتىپ كېلىدۇ .»دېدى

ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۇلار ئەتىگىنى ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت». )قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا دېگەن سۆزىدە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن ‹40غافىر-46› )كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ .كېيىنمۇ ئازابلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

،«سەھىھەين»دە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ،پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭغا ئەتىگەن ۋە كەچقۇرۇندا ئورنى كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ جەننەت ئەھلىدىن بولسا، جەننەت ئەھلى قاتارىدىن ئورنى كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر دوزاخ ئەھلىدىن بولسا دوزاخ ئەھلى قاتارىدىن ئورنى كۆرسىتىلىدۇ. ئۇنىڭغا ‹ئاللاھ تائالا سېنى .»قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈپ چىقارغۇچە بۇ سېنىڭ ئورنۇڭدۇر› دېيىلىدۇ

يامان ئەمەللەر ئايان بولغاندا كىشىنىڭ نادامەت چېكىپ، قاتتىق ئەلەم تارتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۆزلەندى. مۇئمىنگە كەلسەك، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىننىڭ روھى تەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بەجايىكى تۈرمىدىن چىقىرىلغان بىر كىشىگە ئوخشايدۇ. تۈرمىدىن چىققان كىشى زېمىننى كەڭ ھېسابلايدۇ. زېمىندا ساغلام ھالدا خاھلىغانچە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىنلا مۇئمىنگە ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە ھۆرمەتلەر بىلەن دۇنيانى سېلىشتۇرغاندا دۇنيا- ھۆرمەتلىرى ئېچىلىدۇ. بۇ پەزل زىندانغا ئوخشايدۇ. مىسالى مۇئمىن قاراڭغۇ بىر ئۆيگە سولىنىپ، كېيىن ھەممە تەرەپلىرى كەڭ كەتكەن بوستانلىققا ئىشىكى ئېچىلغان بىر كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇ بوستانلىقتا تۈرلۈك دەرەخلەر بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق مۇئمىننى ئانىسىنىڭ قورسىقىغا قايتىش خۇشال قىلمىغىنىدەك، دۇنياغا قايتىش خۇشال قىلمايدىغان

بىر ھالەت پەيدا بولىدۇ.

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ خۇشال بولۇشى ئۈچۈن بالىسىنىڭ ياخشى ئادەم بولغانلىقىمۇ ئۇنىڭغا خەۋەر.»قىلىنىدۇ

قەبرىنى ئەسلەش توغرىسىدا

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قەبرە جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچا ياكى جەھەننەم ئورەكلىرىدىن.»بىر ئورەكتۇر

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «مېيىت قەبرىگە !قويۇلغاندا، قەبرە ئۇنىڭغا: ‹ئى ئادەم بالىسى! ۋاي ساڭا! سېنى نېمە ئالدىدى؟ قوڭغۇزلارنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىمنى- مېنىڭ قاراڭغۇلۇقنىڭ، يالغۇزلۇقنىڭ ۋە قۇرت.»بىلمىدىڭمۇ؟!› دەيدۇ

تىرمىزىي ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ سەئىد، مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازگاھىغا كىردى :ئاندىن كۈلۈپ چىشلىرى چىقىپ قالغان كىشىلەرنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى بىلىڭلاركى! ئەگەر سىلەر لەززەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغۇچى ئۆلۈمنىڭ زىكرىنى كۆپ قىلغان بولساڭلار، ئۇ سىلەرنى مەن كۆرۈۋاتقان بۇ كۈلكىدىن مەشغۇل قىلغان. بولاتتى. شۇڭا، سىلەر لەززەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغۇچى ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەڭلار قەبرە ھەركۈنى ‹مەن غېرىبلىقنىڭ ئۆيىمەن، يالغۇزلۇقنىڭ ئۆيىمەن، تۇپراقنىڭ قوڭغۇزلارنىڭ ئۆيىمەن› دەيدۇ. مۇئمىن بەندە قەبرىگە دەپنە- ئۆيىمەن، قۇرت قىلىنغاندا، قەبرە ئۇنىڭغا: ‹خۇش كەپسىز، ياخشىمۇسىز؟ بىلىڭكى! سىز ئۈستۈمدە ماڭغان ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى ئىدىڭىز، بۈگۈن مەن سىزگە ئىگە قىلىندىم، سىز ماڭا قايتتىڭىز، ئەمدى مېنىڭ سىزگە نېمە قىلىدىغىنىمنى كۆرگەيسىز› دەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆزى يەتكەن يەرگىچە قەبرە كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭغا جەننەتتىن بىر ئىشىك ئېچىلىدۇ. گۇناھكار ياكى كافىر بەندە دەپنە قىلىنسا، قەبرە ئۇنىڭغا: ‹سېنى قارشى ئالمايمەن. بىلگىنكى، سەن ئۈستۈمدە ماڭغانلاردىن ئەڭ يامان كۆرىدىغان

») «زەئىف1231 ،». ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ1205 ،»تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر. دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى ئەسسەمالىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.

،ئادىمىم ئىدىڭ، بۈگۈن مەن ساڭا ئىگە قىلىندىم، سەن مەن تەرەپكە قايتتىڭ مېنىڭ ساڭا نېمە قىلىدىغىنىمنى كۆرىسەن!› دەيدۇ. ئاندىن قەبرە ئۇنى بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر- قىستايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ قوۋرۇغىلىرى بىر - سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بارماقلىرى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، بىر . زەھەرلىك يىلان مۇسەللەت قىلىنىدۇ70 بىرىگە كىرىشتۈرۈپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭغا ئەگەر ئۇلاردىن بىرى زېمىنغا زەھىرىنى پۈۋلىسە ئىدى، زېمىندا ھېچنەرسە ئۆسمىگەن ۋە دۇنيا يوقلاغان بولاتتى. ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىنىپ بولغۇچە، يىلان :ئۇنى چىشلەپ چاقىدۇ». پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى «قەبرە جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن بىر باغچا ياكى جەھەننەمنىڭ ئورەكلىرىدىن.»بىر ئورەك بولىدۇ

،كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «سالىھ بەندە قەبرىسىگە قويۇلسا ئۇنىڭ ناماز، روزا، ھەج، جىھاد ۋە سەدىقە قاتارلىق ياخشى ئەمەللىرى ئۇنى قورشاپ تۇرىدۇ. ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭ ئىككى پۇتى تەرىپىدىن كەلسە، ناماز ئۇلارغا: ‹ئۇنىڭدىن يىراق كېتىڭلار، سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىڭلارغا يول ›يوق، بۇ بەندە ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن نامازدا ئۇزۇن قىيامدا تۇرغان بەندە :دەيدۇ. ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا بېشى تەرىپىدىن كەلسە، روزا ئۇلارغا ›‹سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىڭلارغا يول يوق، ئۇ كۆپ روزا تۇتقان بەندە دەيدۇ. ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭ بەدىنى تەرىپىدىن كەلسە، ھەج ۋە جىھاد، ئۇلارغا: ‹ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭلار، بۇ كىشى نەپسىنى جاپا تارتقۇزغان، بەدىنىنى چارچىتىپ ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن ھەج ۋە جىھاد قىلغان كىشىدۇر سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىڭلارغا يول يوق› دەيدۇ. ئاندىن ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا ئىككى قولى تەرىپىدىن كەلسە، سەدىقە: ‹بۇ ئىككى قولدىن نۇرغۇن سەدىقىلەر ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى تىلەپ نەپىقە قىلىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىگە قويۇلدى، سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىڭلارغا يول يوق› دەيدۇ. ئاندىن ئۇ سالىھ بەندىگە: ‹خۇشاللىق ساڭا يار بولسۇن. سەن ھاياتىڭدا ۋە ئۆلۈمۈڭدە پاك بولدۇڭ› دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا رەھمەت پەرىشتىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ كۆرپە ۋە يېپىنچىلىرىنى سېلىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا قەبرىسى كۆزى يەتكەن يەرگىچە كېڭەيتىلىدۇ ۋە جەننەتتىن بىر چىراغ كەلتۈرۈلىدۇ، سالىھ بەندە .»ئۇنىڭ نۇرىدا ئاللاھ تائالا ئۇنى قەبرىسىدىن چىقىرىپ بولغۇچە يورۇق تۇرىدۇ

،«سەھىھەين»دە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى

. بەت- 58 ،»ئىبنۇلجەۋزىي: «قەبرىلەرنىڭ دەھشەتلىرى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە قەبرىسىگە قويۇلۇپ، ھەمراھلىرى قەبرىدىن قايتسا، قەبرىدىكى مېيت ئەلبەتتە ئۇلارنىڭ كەشلىرىنىڭ تىۋىشلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا ئىككى پەرىشتە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا: ‹بۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟› دەيدۇ. مۇئمىن بەندە ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن› دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭغا: ‹سېنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭغا قارىغىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئورنىغا جەننەتتە بىر ئورۇننى ئالماشتۇرۇپ بەردى› دەيدۇ. مۇئمىن بەندە ئىككىلا ئورۇننى ئېنىق كۆرىدۇ. قەبرىدىكى كىشى فاجىر ياكى كافىر بولسا، ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭغا: ‹بۇ ئادەم (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ھەققىدە ›نېمە دەيسەن؟› دەيدۇ. ئۇ: ‹بىلمەيمەن، كىشىلەر دېگەننى دېگەن ئىدىم ›دەيدۇ. ئۇنىڭغا: ‹(ھەقنى) بىلمەپسەن ۋە (ھەق ئەلچىگە) ئەگەشمەپسەن دېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۇيۇن بازغانلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇلىدۇ. ئۇ فاجىر ياكى كافىر ئاغرىقتىن شۇنداق توۋلايدۇكى، ئۇنىڭ توۋلىغىنىنى ئىنسان ۋە جىنلاردىن باشقا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىلەر.»ئاڭلايدۇ

ئەسمائ بىنتى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ماڭا ‹سىلەر قەبرىلىرىڭلاردا مەسىھ دەججلانىڭ پىتنىسىگە يېقىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سىنىلىسىلەر› دەپ ۋەھيى قىلىندى. قەبرىدىكى كىشىگە: ‹سەن بۇ ئادەمنى .(مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى) قانداقراق بىلىسەن؟› دېيىلىدۇ مۇئمىن ‹مەن ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى .»ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن› دەيدۇ

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ جىنازىسى چۈشۈرۈلۈپ، بىز قەبرىنى تۈزلەپ بولغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ .ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە قاراپ: ‹ھەرقانداق كىشىنى قەبرە بىر قېتىم قىستايدۇ ئەگەر بىرەر ئادەم قەبرىنىڭ قىستىشىدىن قۇتۇلالايدىغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە .»ئۇنىڭدىن سەئىد ئىبنى مۇئاز قۇتۇلغان بولاتتى› دېدى

ئابدۇللاھ سەنئانىي مۇنداق دېگەن: «يەزىد ئىبنى ھارۇن ئۆلۈپ كېتىپ تۆت :كۈندىن كېيىن، مەن ئۇنى چۈشۈمدە كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا

— ئاللاھ تائالا ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ — دېگەنىدىم، ئۇ:

ئاللاھ تائالا مېنىڭ ياخشىلىقلىرىمنى قوبۇل قىلدى، خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ— : دېدى. مەن— قىلدى

— ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ — دېدىم. ئۇ:

سېخىي زاتتىن پەقەت ھۆرمەت كەلدى. ئاللاھ تائالا مېنىڭ گۇناھلىرىمنى— : دېدى. مەن— مەغپىرەت قىلىپ، مېنى جەننەتكە كىرگۈزدى

— سەن ئېرىشكەن بۇ جەننەتكە نېمە بىلەن يەتتىڭ؟ — دېدىم. ئۇ:

مەرھەمەتى بىلەن زىكىر سورۇنلرىدا تۇرغانلىقىم، ھەقنى- ئاللاھنىڭ پەزل— دېگەنلىكىم، راستچىل بولغانلىقىم، نامازدا ئۇزۇن قىيامدا تۇرغانلىقىم، يوقسۇللۇققا : دېدى. مەن— سەبر قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئېرىشتىم

— مۇنكەر ۋە نەكىر ھەقمۇ؟ — دەپ سورىدىم. ئۇ:

! ھەئە، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى— ئىككى پەرىشتە مېنى ئولتۇرغۇزۇپ رەببىڭ كىم؟ دىنىڭ نېمە؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟ دەپ سورىدى. مەن ئاق ساقىلىمنى توپىدىن قېقىشقا باشلىدىم ۋە ‹ماڭا ئوخشاش كىشىدىن سوئال سورىلامدۇ؟ مەن يەزىد ئىبنى ھارۇن ۋاسىتى بولىمەن، مەن يىل كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگەتكەنمەن› دېدىم. ئىككى پەرىشتىنىڭ60 دۇنيادا بىرى: ‹ئۇ راسىت سۆزلىدى، ئۇ يەزىد ئىبنى ھارۇن. سەن يېڭى توي قىلغان ›كىشىدەك راھەتلىك ئۇخلىغىن. بۈگۈندىن كېيىن ساڭا ھېچ قورقۇنچ يوق.»دېدى

(ئىبراھىم ئىبنى جەئفەر) ئەلمەرۋەزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن چۈشۈمدە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنى بىر باغچىدا كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۈستىدە يېشىل ئىككى تون، بېشىدا بولسا نۇردىن بىر تاج بار ئىدى. ئۇ ماڭسا مەن بىلگەن :مېڭىش ھالىتىدە ماڭمايتتى. مەن ئۇنىڭدىن

دەپ— ! ئى ئەھمەد! بۇ مېڭىش قانداق مېڭىش، ھېچ بىلمەيدىكەنمەن؟— :سورىغانىدىم، ئۇ

. بەت- 276 ،»)رشف أصحاب ا حلديث( خەتىب ئەلباغدادىي: «مۇھەددىسلەرنىڭ شەرەفى

دېدى — بۇ بولسا جەننەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مېڭىشىدۇر—

مەن سېنىڭ بېشىڭدا كۆرۈۋاتقان بۇ تاج قانداق تاج؟— رەببىم مېنى توختىتىپ، مەندىن ئاسان ھېساب ئالدى. ماڭا تون كىيگۈزۈپ— ماڭا ھەدىيە بېرىپ، مېنى ئۆزىگە يېقىن قىلدى. رەببىم مېنى ئۆزىگە قارىتىپ تۇرغان ھالەتتە ماڭا بۇ تاجنى كىيدۈردى ۋە ماڭا: ‹ئى ئەھمەد! بۇ كەمتەرلىك تاجىدۇر، سەن قۇرئاننى مەخلۇق ئەمەس، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى دېگەنلىكىڭ.»ئۈچۈن مەن ئۇنى ساڭا كىيدۈردۈم› دېدى

تۆتىنچى باب: مېيىتنىڭ سۇر چېلىنغاندىن باشلاپ جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئورۇنلىشىپ بولغۇچە بولغان ئەھۋالى توغرىسىدا

بۆلۈم: “تۆتىنچى باب: مېيىتنىڭ سۇر چېلىنغاندىن باشلاپ جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئورۇنلىشىپ بولغۇچە بولغان ئەھۋالى توغرىسىدا”

بىز قەبرىدىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللار ئىشارەت قىلىپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭدىنمۇ ،قاتتىق قورقۇنچلۇق بولغىنى سۇرنىڭ چېلىنىشى، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ھېساب ئېلىنىش، تارازىنىڭ تىكلىنىشى ۋە پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئىشلارغا ئىشىنىش ۋاجىبتۇر. بۇلار ھەققىدە كۆپ ئويلىنىش. كېرەك. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئاخىرەتكە ئىشىنىش قارار ئالمىغاندۇر، ئەگەر كىشى ھايۋاناتلارنىڭ تۇغۇپ كۆپىيىشىنى كۆزى بىلەن كۆرمىسە ئىدى ئۇنىڭغا: ‹بىر ياراتقۇچى بۇ سېسىق مەنىيىدىن سۆزلەيدىغان، ئەقىللىق ۋە گۈزەل بىر ئادەمنى يارىتىدۇ› دېيىلسە، ئۇنىڭ تەبىئىتى بۇنى تەستىقلاشتىن بەدەر قاچقان بولاتتى. ئىنساننى شۇنچە ئاجايىباتلار ئۈزرە يارىتىش ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن، قايتا يارىتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بىر ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى باشتا يوقلۇقتىن ياراتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى قايتا يارىتىدىغانلىقىنى قانداقمۇ ئىنكار قىلسۇن؟! ئەگەر سېنىڭ ئىمانىڭدا ئاجىزلىق بولسا، دەسلەپتىكى يارىتىلىشىڭغا قاراپ ئىمانىڭنى ،كۈچلەندۈرگىن! ئۆلگەندىن كېيىن قايتا يارىتىلىش دەسلەپتە ياراتقانغا ئوخشايدۇ بەلكى دەسلەپتە ياراتقاندىن ئاسانراق بولىدۇ. ئەگەر سەن تىرىلىشكە ئىمانى كۈچلۈك كىشى بولساڭ، قەلبىڭگە شۇ قورقۇنچلارنى ۋە خەتەرلەرنى ھېس قىلدۇرغىن! شۇ قورقۇنچلۇق ھاللار ھەققىدە كۆپ تەپەككۇر قىلغىن ۋە كۆپ ئىبادەت قىلىشتا تىرىشچانلىق قىلىشڭغا- ئىبرەت ئالغىن! بۇ سېنىڭ ئەمەل. تۈرتكە بولىدۇ

ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام سۇر چالغاندا، سۇر تۇنجى قېتىم ئۆلۈكلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا ئۇرۇلىدۇ. نىدا تەرەپكە كۆزۈڭ چەكچەيگەن، خۇدۇڭنى يوقاتقان گالۋاڭ ھالەتتە ماڭىدىغانلىقىڭنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگىن. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: «(ئىككىنچى قېتىملىق) سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ» «36ياسىن-51».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مەن قانداقمۇ نېئمەتكە چۆمەيكى، سۇر ساھىبى ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام پېشانىسىنى مايىل قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا قۇلاق سېلىپ، سۇر چېلىشنى كۈتۈۋاتقان، سۇر چېلىشقا بۇيرۇلسا سۇر چالىدىغان تۇرسا!› «6ئەنئام-73» دېگەنىدى، مۇسۇلمانلار: — ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! نېمە دەيمىز؟ — دېدى. رەسۇلى ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: — «ئاللاھ بىزگە يېتەرلىكتۇر، ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ۋەكىل!» «3ئال ئىمران-173»، بىز ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلدۇق، دەڭلار — دېدى. ئاندىن كىشىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى قانداق توپلىنىدىغانلىقىغا قارىغىن! ئۇلار قەبرىدىن چىققاندىن كېيىن، مەھشەرگاھقا يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ ھالەتتە ھەيدىلىدۇ. مەھشەرگاھ ئىنسان يوشۇرۇنۇۋالالمايدىغان، دۆڭلۈك يوق تۈپتۈز بىر. زېمىندۇر

«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر بىر تال ئاق توقاچ ناندەك قىزغۇچ ئاق.»بىر زېمىن ئۈستىگە توپلىنىدۇ

ئاندىن سەن مەھشەر قىستاڭچىلىقىنى، قۇياشنىڭ خالايىقنىڭ بېشىغا يېقىنلىشىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە شۇنچە قورقۇنچلار بىلەن تەرلەپ !كېتىشلىرىنى ئويلىغىن

ھەدىستە: «كىشىلەر ئەمەللىرىنىڭ مىقدارىچە تەرگە چۆمىدۇ» دەپ كەلگەن

ئەي بىچارە ئىنسان! پەرۋەردىگارىڭنىڭ سەندىن قىلغان ئەمەللىرىڭنى بىۋاسىتە

،»). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە3243 ،2585 ،2431( )؛ تىرمىزىي11714( ئەھمەد

.) «سەھىھ» دېگەن2079

!سورايدىغانلىقىنى ئويلانغىن

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «كىشىلەر قىيامەت كۈنى ئۈچ قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ، ئىككى قېتىم ماجرا ۋە ئۆزۈر ئېيتىشلار بولىدۇ. ئۈچىنچى قېتىم- كۆزدىن كەچۈرۈلۈشتە جېدەل ئەمەللىرىنى- ئەمەللەر ئۇچىدۇ، بەزىلەر نامە- كۆزدىن كەچۈرۈلۈشتە بولسا نامە .»ئوڭ قولى بىلەن تۇتىدۇ، بەزىلەر بولسا سول قولى بىلەن تۇتىدۇ

ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ ئىككى پۇتى رەببىنىڭ، ھۇزۇرىدا ئۆمرىنى نېمىگە سەرپ قىلغىنىدىن، ئىلمىنى قانداق قىلغىنىدىن مېلىنى نەدىن تاپقىنى ۋە نېمىگە خىراجەت قىلغىنىدىن ۋە تېنىنى نېمىدە .»تۈگەشتۈرگىنىدىن سوراققا تارتىلمىغۇچە جايىدىن مىدىرلىمايدۇ

«سەھىھەين»دە سەفۋان ئىبنى مۇھرىز مۇنداق دېگەن: «مەن ئىبنى ئۆمەر :رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇراتتىم، بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ

سەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ— —تائالانىڭ بەندىگە قىلىدىغان خىتابى ھەققىدە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭ؟ :دەپ سورىغانىدى، ئىبنى ئۆمەر

مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى— ئاڭلىدىم: ‹ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇئمىن بەندىسىنى ئۆزىگە يېقىن قىلىپ، ئۇنى ،ئۆز پەردىسى بىلەن يېپىپ كىشىلەردىن ئايرىيدۇ. ئۇنىڭغا گۇناھلىرىنى ساناپ مۇنداق گۇناھلارنى قىلغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ مۇنداق گۇناھلارنى قىلغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ دەپ قىلغان گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلدۇرىدۇ. مۇئمىن كۆڭلىدە ئۆزىنى ،ھالاك بولدۇم دەپ ئويلىغاندا، ئاللاھ: ”مەن ئۇ گۇناھلىرىڭنى دۇنيادا ياپتىم مانا بۈگۈن مەغپىرەت قىلىمەن“ دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ياخشى ئەمەللىرى )«ئۇلار (قىيامەت كۈنى يېزىلغان كىتابى بېرىلىدۇ. كافىر ۋە مۇناپىقلارغا كەلسەك پەرۋەردىگارىغا كۆرسىتىلىدۇ. گۇۋاھچىلار: ‹بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر› دەيدۇ. راستلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى ئاللاھ.»› «11ھۇد-18» )زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ

،«سەھىھەين»دە كەلگەن ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جەھەننەم ئۈستىگە بىر.»كۆۋرۈك تارتىلىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن تۇنجى ئۆتىدىغان كىشىمەن

«سەھىھەين»دە يەنە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى :ۋەسەللەم

— بىر كۆۋرۈك كەلتۈرۈلۈپ، جەھەننەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىلىنىدۇ— :دېگەنىدى، ساھابەلەر

— نېمە كۆۋرۈك؟ — دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

. ئۇ كۆۋرۈك تېيىلغاق ۋە مۇستەھكەم تۇرغىلى بولمايدىغان بىر جايدۇر— ئۇنىڭ ئۈستىدە قارماقلار، ئىلمەكلەر، تىكەنلىك سىملار باردۇر. بەزى مۇئمىنلەر ئۇ كۆۋرۈكتىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتتا ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر. چاقماقتەك، قۇيۇندەك، يۈگۈرۈك ئات ۋە چاپقۇر تۆگىدەك تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ بەزىلەر ئامان قېلىپ قۇتۇلىدۇ، بەزىلەر بولسا يارىلىنىپ قۇتۇلىدۇ، ھەتتا.»ئاخىرىدا ئۆتىدىغانلار قاتتىق سۆرۈلۈپ ئۆتىدۇ

جەھەننەم ھەققىدە

(ئاللاھ بىزنى جەھەننەمدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز مەلۇم بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىدىكى چاغدا :قاتتىق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

— بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ — دېگەنىدى، بىز:

. دېدۇق— ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر— :رەسۇلۇللاھ

— بۇ بولسا جەھەننەمگە تاشلانغىلى 70 يىل بولغان تاشتۇر. ئۇ تاش ھازىر جەھەننەمنىڭ تېگىگە يەتتى — دېدى.

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سىلەر ياققان، ئادەم بالىلىرى يېقىۋاتقان بۇ ئوت جەھەننەم ئوتىنىڭ 70 تىن بىر پارچىسىدۇر — دېگەنىدى، ساھابەلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، بۇ ئوتمۇ كۆيدۈرۈپ تاشلاشقا يېتەرلىكقۇ! — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— جەھەننەمنىڭ ئوتى دۇنيادىكى ئوتتىن 69 پارچە ئارتۇق قىلىندى. ھەربىر پارچىنىڭ تەپتى دۇنيادىكى ئوتنىڭ تەپتىگە باراۋەردۇر — دېدى.

ئىمام مۇسلىم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى جەھەننەم كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ 70 مىڭ تىزگىنى بولىدۇ، ھەربىر تىزگىننى 70 مىڭ پەرىشتە سۆرەيدۇ».

ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئەھلىگە ئاچلىق تاشلىنىدۇ، ئاچلىق ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۇلار تارتىۋاتقان ئازابقا باراۋەر كېلىدۇ. ئاندىن ئۇلار تاماق تىلەيدۇ، ئۇلارغا «ئادەمنى سەمرىتمەيدىغان، ئاچلىقنى باسمايدىغان (بەتبۇي ئاچچىق تىكەندىن)» «88غاشىيە-6-7» تاماق بېرىلىدۇ. ئۇلار يەنە تاماق تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا «گالغا تۇرۇپ قالىدىغان تاماق» «73مۇززەممىل-13» بېرىلىدۇ. ئۇلار گالغا تۇرۇپ قالغان نەرسىنى دۇنيادا سۇ بىلەن گالدىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. ئاندىن ئۇلار ئىچىملىك تىلەيدۇ. ئۇلارغا قايناپ چېكىگە يەتكەن قىزىق سۇ بېرىلىدۇ. قايناقسۇ ئۇلارغا تۆمۈر قارماقلارغا ئېسىلىپ ئېلىپ كېلىنىدۇ، قايناقسۇ ئۇلارغا يېقىن كەلتۈرۈلسە، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ تېرىلىرىنى پىشۇرۇۋېتىدۇ، قايناقسۇ ئۇلارنىڭ قورساقلىرىغا كىرسە، ئۇلارنىڭ ئىچ-باغرىنى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ. ئاندىن ئۇلار جەھەننەمگە مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «رەببىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، بىر كۈن بولسىمۇ بىزدىن ئازابنى يەڭگىللەشتۈرسۇن» «40غافىر-49» دەپ كېتىدۇ. جەھەننەمگە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كافىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» «40غافىر-50» دەيدۇ. ئۇلار مالىكتىن سوراڭلار دەيدۇ. ئۇلار: «ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» «43زۇخرۇف-77» دەيدۇ. ئاندىن ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز» «23مۇئمىنۇن-107» دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: «جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار» «23مۇئمىنۇن-108» دەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار بارلىق ياخشىلىقتىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا، داد-پەرياد ۋە ھەسرەت-نادامەت بىلەن جەھەننەمدە ئازاب تارتىدۇ».

!جەھەننەمنىڭ يىلانلىرى ۋە چايانلىرى ھەققىدە ئويلانغىن

بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: مۇنداق دېگەن ،«جەھەننەمنىڭ يىلانلىرى بوينى ئۇزۇن تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرىغا ئوخشايدۇ .»چايانلىرى بولسا ئۈستىگە توقۇم قويۇلغان قېچىرلارغا ئوخشايدۇ

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئۇلارنى 70 مىڭ قېتىم يەيدۇ، ئاندىن ئۇلار ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ».

شۇنى بىلگىنكى، جەھەننەمنىڭ سۈپىتى بەك كۆپتۇر. جەھەننەم ھەققىدىكى ئەڭ ئاز سۈپەتمۇ ئىنساننى قورقۇتۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئەگەر سەن بۇنىڭغا، ئىشەنسەڭ، ئۆزۈڭگە دىققەت قىلغىن! ئالدىڭدىكى ئىشلاردىن قورققىن! چۈنكى ئاللاھ بىر بەندىگە ئىككى قورقۇنچنى تەڭ بەرمەيدۇ. بىز قورقۇشتىن يۇمشاق قەلب ئاياللاردەك بىر مەھەل يىغلاپ قويۇپ، ئاندىن ئەمەل قىلىشنى تاشلاپ مەئسىيەتلەردىن- قويىدىغان قورقۇشنى كۆزدە تۇتمايمىز. بەلكى گۇناھ . ئىبادەت قىلىشقا قىزىقتۇرىدىغان قورقۇشنى كۆزدە تۇتىمىز- توسىدىغان، تائەت قورقۇنچلۇق ئەھۋاللار ئاڭلاش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئاللاھ تائالادىن ياردەم، سورايمىز، ئاللاھ تائالاغا سىغىنىمىز، «رەببىم سالامەت قىلغىن» دەپ قويۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان كىشىلەر بولسا ئەخمەقلەرنىڭ قورقۇشىدا قورقىدىغان كىشىلەردۇر. بىر قورغاننىڭ يېنىدا تۇرسا، يېنىغا يىرتقۇچ »ھايۋان كەلسە: «ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ بۇنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دەپ قويۇپ ئورنىدىن قوزغالماي ۋە قورغانغا كىرىۋالماي تۇرىۋېرىدىغان كىشىنى ھەممە كىشى مەسخىرە قىلغاندەك، شەيتانمۇ ئۇنداق ئەخمەقلەرنى مەسخىرە .قىلىدۇ

پەسىل

!دۇنيادا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرگۈچى بولغىن ئۇنىڭ سۈننىتىنى ئۇلۇغلاشقا ھېرىسمەن بولغىن! شۇنداق قىلساڭ، رەسۇلۇللاھ ساڭا ئاخىرەتتە شاپائەت قىلىدۇ. ئۇ زات بارلىق پەيغەمبەرلەردىن بۇرۇن شاپائەت قىلىدۇ. چوڭ گۇناھلارنى قىلغان كىشىلەرگە ئۇ شاپائەت قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ، تائالا ئۇلارنى دوزاختىن قۇتقۇزىدۇ. سالىھ دوستلارنى كۆپ تۇتقىن! چۈنكى قىيامەت كۈنى ھەرقانداق مۇئمىننىڭ شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. سېنىڭ »غۇرۇرۇڭ سېنى ياخشى دوستلارنى كۆپ تۇتۇشتىن چەكلىمىسۇن! بۇنىڭغا «ئۈمىد. دېيىلىدۇ. شەكسىزكى، بىر ئادەم بىرنەرسىنى ئۈمىد قىلسا، ئۇنى تەلەپ قىلىدۇ

زۇلۇم قىلىشتىن ساقلانغىن. چۈنكى، بىر كىشى زۇلۇم قىلسا ۋە مەزلۇمدىن رازىلىق تىلەشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسە، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۇ زالىمنى قورشىۋالىدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغانلاردىن بىرى: «بۇ زالىم ماڭا زۇلۇم. قىلغان ئىدى» دەيدۇ. يەنە بىرى: «ئۇ مېنى مەسخىرە قىلغان ئىدى» دەيدۇ يەنە بىرى: «بۇ زالىم يامان قوشنا ئىدى» دەيدۇ. يەنە بىرى: «بۇ مېنى .ئالدىغان ئىدى» دەيدۇ. سەن ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلالمايسەن

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەر جەھەننەمدىن قۇتۇلىدۇ. ئاندىن ئۇلار جەننەت ۋە جەھەننەم ئارىسىدىكى بىر كۆۋرۈك ئۈستىدە توختىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان زۇلۇملارغا بەزىسىگە بەزىسىدىن قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار تازىلىنىپ، پاكلانغاندىن كېيىن جەننەتكە كىرىشكە .»رۇخسەت قىلىنىدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر :سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

دەپ— سىلەر كىمنىڭ ۋەيران بولغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟— :سورىغاندا، ساھابەلەر

ۋەيران بولغۇچى دېگەن بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى پۇلى يوق ۋە مېلى يوق— : دېدى. رەسۇلۇللاھ— ئادەمدۇر

ھەقىقەتەن ۋەيران بولغۇچى دېگەن مېنىڭ ئۈممىتىمدىن قىيامەت كۈنى— ناماز، روزا ۋە زاكات قاتارلىق ئەمەللەر بىلەن ھازىر بولغان، لېكىن بىرسىنى

تىللىغان، يەنە بىرسىگە بوھتان چاپلىغان، بۇنىڭ مېلىنى يەۋالغان، ئۇنىڭ )قېنىنى ناھەق تۆككەن، يەنە بىراۋنى ئۇرغان بولۇپ (قىساسى ياكى تۆلەم ئۈچۈن ياخشىلىقلىرىدىن ئۇنىڭغا بېرىپ، بۇنىڭغا بېرىپ، ياخشىلىقلىرى تۈگەپ كەتكەندە، باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن دوزاخقا.» دېدى— تاشلانغان كىشىدۇر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر، سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى ھەقلەر ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ »ھەتتاكى مۈڭگۈزسىز قويغىمۇ مۈڭگۈزلۈك قويدىن قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ . بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى «سەھىھ»لەردە كەلگەندۇر. ئاللاھ تائالادېگەن. سېنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن

قارىغىنكى، رىياكارلىق ۋە غەيۋەتخورلۇقتەك ئەمەلنى يوققا چىقارغۇچى يامان ئەمەللەر ياخشى ئەمەللەر ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ساقلىنىپ قېلىشى ناتايىندۇر. ئەگەر ياخشى ئەمەللەر ساقلانغان تەقدىردىمۇ ئۇ بوزەك قىلىنغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، نەپسىڭگە بەك سەگەك بولغىن! ۋاقىتلىرىڭنى بىھۇدە ئۆتكۈزمىگىن! چۈنكى، ۋاقىتلىق. لەززەتنى ئارتۇق بىلىپ، دائىملىق ئازابنى سېتىۋالغان كىشى ئەڭ بىچارە كىشىدۇر

ئاللاھتىن يامان ئەمەللەردىن ساقلاپ قېلىشىنى، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا. مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز

جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى

(ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇ زاتنىڭ جەننىتىگە كىرگۈزۈشىنى سورايمىز!)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزلەر

ئى رەسۇلۇللاھ! بىزگە جەننەت توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسىلە! ئۇنىڭ بىناسى— : دېگەنىدۇق، رەسۇلۇللاھ— قانداق؟

. جەننەت بىناسىنىڭ بىر كېسىكى ئالتۇندىن ۋە بىر كېسىكى كۈمۈشتىندۇر— ئەنبەردىنمۇ پۇراقلىق لاي قويۇلغاندۇر. جەننەتنىڭ- ئۇلارنىڭ ئارىلىقىغا مىسك شېغىل تاشلىرى مەرۋايىت ۋە ياقۇتتۇر. تۇپرىقى زەپىراندۇر. ئۇنىڭغا كىرگەن، كىشى نېئمەتكە چۆمىدۇ، يوقسۇل بولۇپ قالمايدۇ، مەڭگۈ تىرىك تۇرىدۇ

دېدى — ئۆلمەيدۇ، كىيىمى كونىرىمايدۇ ۋە ياشلىقى يوقالمايدۇ

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ :ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى جەننەتنى تىلغا ئېلىپ

جەننەتكە تىرىشچانلىق قىلغۇچى بارمۇ؟ كەئبىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن— رەيھانلار، كۆز قاماشتۇرغۇچى- قەسەمكى! جەننەتتە تەۋرىنىپ تۇرىدىغان لالە .نۇرلار، توختاۋسىز ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەر ۋە ئۆلۈپ قالمايدىغان ئاياللار بار، جەننەت ئەھلى خۇشاللىق ۋە نېئمەت ئىچىدە بولىدۇ، جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ : دېگەنىدى، ساھابەلەر—

— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز جەننەتكە تىرىشچانلىق قىلغۇچىلارمىز— :دېدى. رەسۇلۇللاھ.» دېدى— ! ‹ئاللاھ خاھلىسا› دەڭلار—

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا: ‹مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن ھېچبىر كۆز كۆرمىگەن، ھېچبىر قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ھېچبىر ›ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېلىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلاپ ساقلاپ قويدۇم.»دەيدۇ

«سەھىھەين»دىكى يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە كىرىدىغان تۇنجى جامائەتنىڭ سۈرىتى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاينىڭ سۈرىتىدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كىرىدىغانلارنىڭ چىرايى ئاسماندىكى ئەڭ نۇرانە يۇلتۇزدەك گۈزەل بولىدۇ، ئۇلار كىچىك تەرەت قىلىشمايدۇ، تۈكۈرۈشمەيدۇ، بۇرنىنى- جەننەتتە چوڭ ئەنبەر، ئىسرىقدانلىرىدا- تاشلاشمايدۇ. تارغاقلىرى ئالتۇندىن، تەرلىرى مىشكى يېقىلىدىغان ئىسرىق خۇشبۇي ئۇد ھىندى بولىدۇ. خوتۇنلىرى گۈزەل ھۆرلەردىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشى ئاتىلىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىدە بىرخىل . يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلارنىڭ»قىياپەتتە، قامىتى ئاتمىش گەز بولىدۇ

ھەربىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن پاچاقلىرىنىڭ يىلىكى سىرتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاداۋەت-ئىككىدىن ئايالى بولىدۇ. ئەھلى جەننەت ئارىسىدا ئىختىلاپ، ئۆچ دېگەن نەرسە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر ئادەمنىڭ دىلىدەك بولىدۇ. ئۇلار . ئاخشامدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرۇشىدۇ» دېيىلگەن- ئەتىگەن

،«سەھىھەين»دە ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى ،پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىككى جەننەت باردۇر قۇچا ۋە پۈتۈن بىساتلىرى كۈمۈشتىندۇر. يەنە ئىككى جەننەت- ئۇلارنىڭ قاچا قۇچا ۋە پۈتۈن بىساتلىرى ئالتۇندىندۇر. جەننەت ئەھلى- بار بولۇپ، قاچا بىلەن پەرۋەردىگارىنىڭ ئارىسىدا ئەدن جەننىتىدە ئاللاھ تائالانىڭ يۈزىدىكى .»بۈيۈكلۈك تونى بولىدۇ

يەنە ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جەننەتتە ئىچى كاۋاك گۆھەردىن بولغان بىر چېدىر بار. ئۇنىڭ كەڭلىكى 60 مىلدۇر، ئۇنىڭ ھەر بۇلۇڭىدا بىر-بىرىنى كۆرمەيدىغان ئەھلى بولۇپ، مۇئمىن ئۇلارنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ».

بىلگىنكى، جەننەتنىڭ نېئمەتلىرى «قۇرئان كەرىم»دە خېلى كۆپ ئورۇندا ناھايىتى كەڭ بايان قىلىنغاندۇر. ئاللاھ تائالا ئۇ نېئمەتلەرنى بىرنەچچە ئايەتلەردە ،شۇ ئايەتلەر قاتارىدىن ئاللاھ تائالا: «جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر باردۇر، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر» «43زۇخرۇف-71»، «ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خاھلىمايدۇ» «18كەھف-108» دېگەن. ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا قوشۇپ: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن، ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان ساقلانغان كاتتا نېئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» «32سەجدە-17» دەيدۇ.

جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپتۇر. بىز. يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى كەلتۈرۈش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. جەننەتتە ئېرىشىلىدىغان ئەڭ ئەۋزەل نېئمەت ئاللاھ تائالانى كۆرۈشتۇر

«سەھىھەين»دە رىۋايەت قىلىنغان، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ :ھەدىسىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىز قىيامەت كۈنى رەببىمىزنى كۆرەلەمدۇق؟— :دېيىلگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا

— بۇلۇتسىز ئايدىڭ كېچىدە تولۇن ئاينى كۆرۈشتىن شەك قىلامسىلەر؟— :دېدى. ئۇلار

— ياق، ئى رەسۇلۇللاھ! — دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

، دېگەنىدى— بۇلۇتسىز بىر كۈندە قۇياشنى كۆرۈشتىن شەك قىلامسىلەر؟— :ئۇلار يەنە

— ياق، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

دېدى — خۇددى شۇنىڭدەك، ئەلبەتتە ئۇ زاتنى كۆرىسىلەر—

بەشىنچى باب: ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدا

بۆلۈم: “بەشىنچى باب: ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدا”

بىز ئۇشبۇ كىتابنى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى بايان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىزكى، بۇ ئارقىلىق بىز ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى، بىزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەۋفىنى ئۈمىد قىلغۇدەك ئەمەللىرىمىز يوقتۇر. بىز ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە كەرەمى يۈزىدىن بىزنى ئەپۇ .قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

ئاللاھ تائالا: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى: ‹(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (خاھلىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر›» «39زۇمەر-53» دەيدۇ.

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتنى يارىتىپ بولۇپ، ئۆز ھۇزۇرىدا ئەرشنىڭ ئۈستىگە: ‹ھەقىقەتەن مېنىڭ رەھمىتىم.»غەزىپىمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى› دەپ يازغاندۇر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ 100 رەھمىتى باردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن بىر رەھمەتنى ئىنسانلار، جىنلار، ھاشاراتلار ۋە ھايۋاناتلار ئارىسىغا چۈشۈردى. شۇ بىر رەھمەت بىلەن ئۇلار ئۆزئارا شەپقەت قىلىشىدۇ، ئۆزئارا رەھىم قىلىشىدۇ. شۇ بىر رەھمەت بىلەن ياۋايى ھايۋانلار ئۆز بالىلىرىغا شەپقەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 99 رەھمەتنى كېچىكتۈرگەن بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇ رەھمەتلەر بىلەن بەندىلىرىگە رەھىم قىلىدۇ».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ رەببىڭلار تەبارەكە ۋەتائالا شەپقەتلىكتۇر. كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلمىسا، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى قىلسا، ئۇنىڭغا 10 ھەسسىدىن 700 ھەسسىگىچە ياخشىلىق يېزىلىدۇ. كىمكى يامانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلمىسا، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى قىلسا، ئۇنىڭغا بىر يامانلىق يېزىلىدۇ ياكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆچۈرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا پەقەت شەقى كىشى ھالاك بولىدۇ».

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ: ‹كىمكى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭغا 10 باراۋىرى ياكى ئۇنىڭدىن زىيادە ئەجىر بېرىلىدۇ. كىمكى بىر يامان ئىش قىلسا، ئۇنىڭ جازاسى پەقەت بىر يامانلىقتۇر ياكى ئۇنى كەچۈرىمەن. كىمكى ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن. كىمكى ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن. كىمكى ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرەپ بارىمەن›».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ !ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ‹ئى رەببىم مەن گۇناھ قىلىپ سالدىم، مېنى مەغپىرەت قىلغىن› دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تەبارەكە ۋەتائالا: ‹بەندەم گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان، ئۇنى گۇناھ سەۋەبلىك جازالايدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، مەن بەندەمگە مەغپىرەت، قىلدىم› دەيدۇ. ئاندىن ئۇ بەندە ئاللاھ تائالا خاھلىغان مۇددەتكىچە تۇرۇپ يەنە بىر گۇناھ قىلىپ سېلىپ: ‹ئى رەببىم! مەن گۇناھ قىلدىم، گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن› دەيدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: ‹بەندەم گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان، ئۇنى گۇناھ سەۋەبلىك جازالايدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، مەن بەندەمگە مەغپىرەت قىلدىم› دەيدۇ. ئاندىن ئۇ بەندە ئاللاھ تائالا !خاھلىغان مۇددەتكىچە تۇرۇپ، كېيىن بىر گۇناھ قىلىپ سېلىپ: ‹ئى رەببىم مەن يەنە گۇناھ قىلدىم، گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن› دەيدۇ. ئاللاھ ئەززە .ۋەجەللە: ‹بەندەم گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان پەرۋەردىگارى بارلىقىنى بىلدى مەن سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدىم، ئۇ خاھلىغىنىنى .. بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى سەھىھ ھەدىسلەردۇر»قىلسۇن› دەيدۇ

«سەھىھەين»دە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئەسىرگە چۈشكەنلەر كەلتۈرۈلدى. ئەسىرلەر ئىچىدىكى بىر ئايال ئەسىرلەر ئىچىدە ئايلىنىپ بىر كىچىك بالىنى تاپتى ۋە ئۇنى باغرىغا بېسىپ ئېمىتتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سىلەرچە بۇ ئايال بالىسىنى ئوتقا تاشلارمۇ؟ — دېگەنىدى، بىز:

— ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ياق — دېدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بۇ ئايالنىڭ ئۆز بالىسىغا شەپقەت قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك شەپقەت قىلىدۇ — دېدى.

«سەھىھەين»دە يەنە ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر :سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

بىر بەندە ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق› دەپ، شۇ— : دېگەنىدى، مەن— گۇۋاھلىق ئۈزرە ئۆلسە، جەننەتكە كىرىدۇ

ئەگەر زىنا قىلغان بولسىمۇ، ئوغرىلىق قىلغان بولسىمۇ جەننەتكە كىرەمدۇ؟— : دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم—

ئەگەر زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر زىنا— قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق ئەبۇ زەرنىڭ— : دېدى ۋە تۆتىنچى قېتىمدا— قىلسىمۇ جەننەتكە كىرىدۇ دېدى — يامان كۆرگىنىگە قارىماي جەننەتكە كىرىدۇ

ئىتبان ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ، ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق› دېگەن كىشىگە ئاللاھ.»تائالا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق› دېگەن ۋە قەلبىدە ئارپىچىلىك ياخشىلىق بولغان ئادەم دوزاختىن چىقىدۇ. ئاندىن ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق› دېگەن ۋە قەلبىدە بۇغدايچىلىك ياخشىلىق بولغان ئادەم دوزاختىن چىقىدۇ. ئاندىن ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق› دېگەن ۋە قەلبىدە قۇناقچىلىك ياخشىلىق بولغان ئادەم دوزاختىن چىقىدۇ.

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ،ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى يەھۇدىي ياكى ناسارا كەلتۈرۈلۈپ مۇئمىنگە فىدىيە قىلىپ بېرىلىدۇ ۋە: ‹بۇ سېنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭغا كىرىدىغان.»فىدىيەدۇر› دېيىلىدۇ

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۈممىتىمدىن بىر كىشىنى تاللايدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا 99 دانە نامە-ئەمەل يېزىلغان دەپتەرنى يايىدۇ. ھەربىر دەپتەر ئۇ كىشىنىڭ كۆزى يەتكەن يەرگىچە ئۇزۇن بولىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا:

بۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى ئىنكار قىلامسەن؟ يازغۇچى پەرىشتىلىرىم ساڭا— : دەيدۇ. ئۇ كىشى— زۇلۇم قىپتىمۇ؟

— ياق، ئى رەببىم! — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

دەيدۇ. ئۇ بەندە— سېنىڭ ئۆزرەڭ ياكى بىرەر ياخشىلىقىڭ بارمۇ؟— :ھەيرەتتە قالدۇرۇلىدۇ. ئاندىن

دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا: ‹ئۇنداق ئەمەس، سېنىڭ— ! ياق، ئى رەببىم— بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا ياخشىلىقىڭ بار، بۈگۈن ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ› دەيدۇ ئاندىن ئۇنىڭغا ‹ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھ ›تائالانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن :دېگەن خەت يېزىلغان بىر گۇۋاھنامە چىقىرىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا.

— نامە-ئەمەلىڭ تارتىلىدىغان يەرگە ھازىر بول! — دەيدۇ. ئۇ بەندە:

دەيدۇ. ئاللاھ— پەرۋەردىگارىم! بۇ دەپتەرلەر بىلەن بۇ گۇۋاھنامە تەڭمۇ؟— :تائالا

دەيدۇ. ئاندىن دەپتەرلەر تارازىنىڭ بىر— ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ— تەرىپىگە ۋە گۇۋاھنامە تارازىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قويۇلىدۇ ۋە دەپتەرلەر يەڭگىل كېلىپ، گۇۋاھنامە ئېغىر كېلىدۇ. ھېچنەرسە ئېغىرلىقتا ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ ئىسمىنى بېسىپ كېتەلمەيدۇ.»

فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ ئەرەفات كۈنىدە كىشىلەرنىڭ يىغلاشلىرىغا 1⁄6( ئېيتىڭلارچۇ؟ بۇ كىشىلەر بىر ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر دانىق— دېگەنىدى— تەڭگە) پۇل سورىسا، ئۇ ئادەم ئۇلارنى قۇرۇق قول قايتۇرامدۇ؟ :ۋە تەسبىھ ئېيتىشلىرىغا قارىدى ۋە

ئۇنىڭغا:

— ياق، — دېدىلەر. ئۇ:

ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدىكى مەغپىرەت بىر— — ئادەمنىڭ ئۇلارغا بىر دانىقنى بېرىشكە رازى بولۇشىدىنمۇ بەكرەك ئاساندۇر. دېدى

ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن قاتتىق يامغۇر ياغقان، قاراڭغۇ بىر كېچىدە كەئبىنى يالغۇز تاۋاپ قىلدىم. تاكى سەھەر ۋاقتىغىچە تاۋاپ قىلدىم، ئاندىن قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ: ‹ئى ئاللاھ تائالا! مېنى سەن يامان كۆرىدىغان بارلىق ئىشلاردىن ساقلىشىڭنى سورايمەن› دېدىم. ئاندىن - ئاسمان بوشلۇقىدىن مۇنداق بىر نىدانى ئاڭلىدىم: ‹سەن مەندىن گۇناھ مەئسىيەتلەردىن ساقلاپ قېلىشىمنى سورايسەن، بارلىق مەخلۇقاتلىرىم مەندىن - مەئسىيەتلەردىن ساقلاپ قېلىشىمنى سورايدۇ، مەن سېنى گۇناھ- گۇناھ »›مەئسىيەتلەردىن ساقلاپ قالسام، كىمگە ئېھسان قىلىمەن؟

بۇ ھەدىسلەر بىز «ئۈمىد قىلىش توغرىسىدا» دېگەن بابتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تېمىلار بىلەن بىرگە بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ سېخىيلىقى، رەھمىتىنىڭ كەڭرىلىكى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەرتلىكى بىلەن بېشارەت بېرىدۇ. ئەھۋال بۇ ئىكەن، بىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بىزگە ئۆزىمىزگە لايىق رەۋىشتە مۇئامىلە قىلماستىن، بىزگە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئېھسان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ تائالادىن ئەمەللىرىمىزگە مۇخالىپ سۆزلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى، بىزنىڭ كىشىلەرگە ئۆزىمىزنى زىننەتلەپ كۆرسەتكەن ياسالمىلىقلىرىمىزنى، بىز مەقسەت قىلغان ھەرقانداق ئىلىم ۋە ئەمىلىمىزگە ئارىلىشىپ قالغان ئەمەللەرنى بۇزغۇچى ئىشلارنى مەغپىرەت قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ تائالادىن سېخيلىقىنىڭ ھۆرمىتى بىلەن سېخىيلىق قىلىشىنى، مەرتلىكىنىڭ ھۆرمىتى بىلەن مەرتلىك قىلىشىنى ۋە ئاللاھ تائالادىن مەرتلىكىنىڭ ھۆرمىتى بىلەن مەرتلىك قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ «ھەقىقەتەن يېقىندۇر، (دۇئانى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر» «11ھۇد-61».

ئىزاھاتلار:

  • [1] . ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ2683( )؛ مۇسلىم6507( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي. ئەنھۇ رىۋايىتى
  • [2] ئەھمەد (7912)؛ نەسائىي (1720)؛ تىرمىزىي (2307). ئالبانىي: «سەھىھۇلجامىئ» (1211) دە «سەھىھ» دېگەن.
  • [3] ئىراقىي: «تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھيائ» (4/194) دە: «ئىبنى ئەبىددۇنيا ‹ئەلمەۋت› دېگەن كىتابىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ‹زەئىف سەنەد› بىلەن رىۋايەت قىلغان. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكمۇ ‹ئەززۇھد› دېگەن كىتابىدا ‹زەئىف سەنەد› بىلەن رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
  • [4] بۇخارىي (6416).
  • [5] بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (10129). ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە» (2177) دە: «سەنەدى ئىنتايىن زەئىف» دېگەن.
  • [6] ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد» (317). تابىئىنلاردىن ھەسەن بەسرىيدىن مۇرسەلدۇر. سەنەدى زەئىف.
  • [7] :). ھاكىم10057( ،»)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان4278( ،»تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت :) ‹سەنەدى سەھىھ› دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. ئالبانىيمۇ7921 ،»(«ئەلمۇستەدرەك ) ‹ھەسەن› دېگەن. سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ831 ،»(«سىلسىلەتۇلئەھادىيسىسسەھىھە
  • [8] . جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى2877( مۇسلىم
  • [9] ») «ھەسەن1051 ،»). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە4261( )؛ ئىبنى ماجە983( تىرمىزىي. دېگەن
  • [10] 6510( بۇخارىي
  • [11] 4462( بۇخارىي
  • [12] ،»). بۇسايرىي: («ئەلئىتھاف4399( )؛ ھاكىم2028( )؛ بەززار1220( ،»تەبەرانىي: «ئەددۇئائ ،») «بەززارنىڭ راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە159/2
  • [13] ‹سەنەدى ئىنتايىن زەئىف› دېگەن6445
  • [14] 14261 ،»). ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد2821( ،»تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر :«راۋىيلىرى ئىچىدە ئابدۇللاھ ئىبنى مەيمۇن ئەلقەدداھ بەكلا زەئىف» دېگەن. بۇسايرىي
  • [15] . پەقەت «رەببىگە بەك يېقىن بولغان دادام!» دېگەن جۈملىلا «سەھىھۇل4462( بۇخارىي :). ئالبانىي1629( بۇخارىي»دا كەلمىگەن بولۇپ، ئۇنى باشقىلار رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ماجە
  • [16] «سەھىھ» دېگەن1321 ،»(«سەھىھۇ ئىبنى ماجە
  • [17] 320/2 ،»ئىبنى سەئد: «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا
  • [18] سەئىد ئىبنى مەنسۇر (942)؛ ئىبنى ئەبى شەيبە (35574).
  • [19] 560( ،»ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد
  • [20] 1392( بۇخارىي
  • [21] ،)14464 ،»). ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد6891( )؛ ئىبنى ھىببان2731( ئەبۇ يەئلا. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ھۈسەين سەلىم ئەسەدلەر: ‹سەنەدى سەھىھ› دېگەن
  • [22] ؛ ئىبنى زىبر رىبئىي: «ئۆلىمالارنىڭ ئۆلۈش77( ،»ئىبنى ئەبىددۇنيا: «مەقتەلى ئەلى .) ‹زەئىف› دېگەن6247 ،» بەت. ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ- 41 ،»ئالدىدىكى ۋەسىيەتلىرى
  • [23] :). ئەلئەرنائۇت، ئالبانىيلار706( )؛ ئىبنى ھىببان4104( )؛ ئىبنى ماجە23762( ئەھمەد .) ‹سەھىھ› دېگەن1716 ،»(«ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە
  • [24] ‹ھەسەن› دېگەن3224 ،»). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب7891( ھاكىم
  • [25] 581( ،»؛ بەيھەقىي: «ئەززۇھدۇلكەبىر14/1 ،»ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم
  • [26] 772 ،»). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («ئەلئىرۋائ1569( ئىبنى ماجە .) ئوخشاش مەزمۇندا رىۋايەت قىلغان976( «سەھىھ» دېگەن. ئىمام مۇسلىممۇ
  • [27] ،»)رس لار وح( )؛ ئىمام بىقائىي: «روھنىڭ سىرى58( ،»)ا لمنامات( ئىبنى ئەبىددۇنيا: «چۈشلەر . بەت. سەنەدى زەئىف- 124
  • [28] بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (7528)؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «قەبرىلەرنىڭ دەھشەتلىرى (أَهْوَالُ الْقُبُورِ)»، 145- بەت.
  • [29] - 218 ،»)؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «قەبرىلەرنىڭ دەھشەتلىرى8859( ،»بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان. بەت
  • [30] - 218 ،»)؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «قەبرىلەرنىڭ دەھشەتلىرى8860( ،»بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان. بەت
  • [31] 1887( مۇسلىم
  • [32] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1380)؛ مۇسلىم (2866)
  • [33] ،» بەت؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر- 281 ،»ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەتتەۋازۇئۇ ۋەلخۇمۇل ) ‹زەئىف› دېگەن. ئەبۇلھەجاج221/4 ،»). ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھيائ18377(
  • [34] ،»). ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ1205( ،»)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر2460( تىرمىزىي .) «زەئىف» دېگەن. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى1231
  • [35] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1338)؛ مۇسلىم (2870)
  • [36] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (86)؛ مۇسلىم (905)
  • [37] . ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى. شۇئەيب3112( )؛ ئىبنى ھىببان24707( ئەھمەد .) «سەھىھ» دېگەن2180 ،»ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ
  • [38] ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ»، 9/189.
  • [39] . سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ2790( )؛ مۇسلىم6521( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي. ئەنھۇما رىۋايىتى
  • [40] . مىقداد ئىبنى ئەلئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى2864( مۇسلىم
  • [41] «زەئىف» دېگەن6432 ،»). ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ2425( )؛ تىرمىزىي19730( ئەھمەد
  • [42] ‹سەھىھ› دېگەن7300 ،»). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ537( )؛ دارىمىي2417( تىرمىزىي
  • [43] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2441)؛ مۇسلىم (2768)
  • [44] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (806)؛ مۇسلىم (182).
  • [45] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7439)؛ مۇسلىم (183). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • [46] مۇسلىم (2844).
  • [47] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3265)؛ مۇسلىم (2843).
  • [48] مۇسلىم (2842).
  • [49] ‹زەئىف› دېگەن6444 ،»). ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ2586( تىرمىزىي
  • [50] :). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. ئالبانىي17749( ئەھمەد .) «ھەسەن» دېگەن3429 ،»(«ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە
  • [51] 6535( بۇخارىي
  • [52] 2581( مۇسلىم
  • [53] 2582( مۇسلىم
  • [54] ئەھمەد (8030)؛ تىرمىزىي (2526). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: «سەھىھۇلجامىئ» (3116) دە «سەھىھ» دېگەن.
  • [55] تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر» (391)؛ ئىبنى ماجە (4332). ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە» (3358) دە «زەئىف» دېگەن.
  • [56] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3244)؛ مۇسلىم (2824)
  • [57] . ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ2834( )؛ مۇسلىم3327( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي. رىۋايىتى
  • [58] . ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ2834( )؛ مۇسلىم3246 ،3245( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي. ئەنھۇ رىۋايىتى
  • [59] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7444)؛ مۇسلىم (180)
  • [60] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4879)؛ مۇسلىم (2838)
  • [61] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (806)؛ مۇسلىم (182)
  • [62] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7422)؛ مۇسلىم (2751).
  • [63] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6469)؛ مۇسلىم (2752).
  • [64] ئەھمەد (2519). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
  • [65] مۇسلىم (2687).
  • [66] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7507)؛ مۇسلىم (2758).
  • [67] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5999)؛ مۇسلىم (2754)
  • [68] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5827)؛ مۇسلىم (94)
  • [69] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5401)؛ مۇسلىم (33)
  • [70] بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7410)؛ مۇسلىم (193)
  • [71] . شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن1596( ،»)؛ تەبەرانىي («ئەلمۇئجەمۇل كەبىر19615( ئەھمەد ) ئوخشاش2767( ) ‹سەھىھ› دېگەن. ئىمام مۇسلىممۇ778 ،»ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ
  • [72] :) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. ئالبانىي9( )؛ ھاكىم6994( ئەھمەد .) «سەھىھ» دېگەن1533 ،»(«سەھىھۇتتەرغىب

«جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» «6ئەنئام-45»؛ «37ساففات-182». ئاللاھ تائالاغا كۆپلەپ، ياخشى، بەرىكەت بېرىلگەن، رەببىمىز ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ تائالا رەھبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابەلىرىگە رەھمەت !!!قىلسۇن، تا قىيامەت كۈنىگىچە ئۇلارغا كۆپلەپ سالام يەتكۈزسۇن، ئامىن

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.