1-قىسىم: ئىبادەتلەر
بىرىنچى قىسىم: ئىبادەتلەر
بۆلۈم: “بىرىنچى قىسىم: ئىبادەتلەر”بىرىنچى بۆلۈم: ئىلىم ھەققىدە
بۆلۈم: “بىرىنچى بۆلۈم: ئىلىم ھەققىدە”ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلىمگە دائىر مەسىلىلەر
بۆلۈم: “ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلىمگە دائىر مەسىلىلەر”ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەزىلىتى
بۆلۈم: “ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەزىلىتى”ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: «ئېيتقىنكى، ‹بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ›» «39زۇمەر-9».
ئاللاھ تائالا يەنە: «ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىرقانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر» «58مۇجادەلە-11» دەيدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئالىمنىڭ دەرىجىسى مۇئمىننىڭ دەرىجىسىدىن 700 دەرىجە يۇقىرىدۇر، ھەر دەرىجىنىڭ ئارىسى 500 يىللىق مۇساپىدۇر» دېگەن.
ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» «35فاتىر-28».
«سەھىھەين»دە، مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىندا ئالىم قىلىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم» دەيدۇ.
ئەبۇ ئۇمامە باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىككى تۈرلۈك ئادەم، يەنى ئابىد ۋە ئالىم توغرۇلۇق سورالغاندا: «ئالىمنىڭ ئابىدتىن ئارتۇقچىلىقى مېنىڭ سىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنىڭلاردىن ئارتۇق بولغىنىمغا ئوخشاشتۇر» دەپ، ئاندىن: «ئىنسانلارغا ئىلىم ئۆگەتكۈچىگە ئاللاھ رەھمەت يوللايدۇ، ئۇنىڭغا پەرىشتىلىرىدىن تارتىپ ئاسمان - زېمىندىكى مەخلۇقاتلار، يەر ئاستىدىكى چۈمۈلىلەر ۋە دېڭىزدىكى بېلىقلارغىچە ھەممىسى مەغپىرەت تىلەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.
يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئالىمنىڭ ئابىدتىن ئارتۇقچىلىقى بەئەينى كېچىدىكى تولۇنئاينىڭ باشقا يۇلتۇزلاردىن ئارتۇقچىلىقىغا ئوخشايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر ئالتۇن - كۈمۈش مىراس قالدۇرمىغان، پەقەت ئىلىمنى مىراس قالدۇرغان. كىمكى ئىلىم ئۆگەنسە، تولۇق نېسىۋىگە ئېرىشكەن بولىدۇ».
سەفۋان ئىبنى ئەسسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئىلىم ئۆگەنگۈچىنىڭ (قېتىرقىنىپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان) ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۇنىڭغا قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ» دېگەن.
خەتتابىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — «پەرىشتىلەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىغا قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئۈچ خىل قاراش بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:
-
پەرىشتىلەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىغا (راستىنلا) قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ؛
-
پەرىشتىلەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنى ھۆرمەتلەپ، تۆۋەنچىلىك قىلىدۇ؛
-
پەرىشتىلەر ئىلىم مەجلىسلىرىگە چۈشىدۇ ۋە ئۇچۇپ كەتمەيدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىپ بىر يولغا چىقسا، ئاللاھ تائالا شۇ سەۋەبلىك ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتكە ئېلىپ بارغۇچى بىر يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ» دېگەن.
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئىسلامنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىلىم تەلەپ قىلغان ھالدا ئۆلسە، جەننەتتە ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىرلا دەرىجە (ئارىلىق) بولىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلگەن.
بەزى دانالار: «ۋادەرىخا! ئىلىمنى قولدىن بېرىپ قويغان كىشى نېمىگە ئېرىشتى، ئىلىمگە ئېرىشكەن كىشى نېمىنى قولدىن بەردى؟!» دېگەن.
ئىلىم ئۆگىتىشنىڭ پەزىلىتى
بۆلۈم: “ئىلىم ئۆگىتىشنىڭ پەزىلىتى”ئىلىم ئۆگىتىشنىڭ پەزىلىتىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەردىن سەھل ئىبنى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئاللاھ تائالانىڭ سەن سەۋەبلىك بىر كىشىنى ھىدايەت قىلىشى سەن ئۈچۈن نۇرغۇن قىزىل تۆگىلىرىڭ بولغىنىدىن ياخشىدۇر» دېگەن.
يۇقىرىدا ئەبۇ ئۇمامە باھىلىيدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستىن باشقا يەنە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «كىشىلەرگە ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچىگە بارلىق جانلىقلار، ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېگەن.
سوئال: نېچۈن بېلىق جېنىدا ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچىگە مەغپىرەت تىلەيدۇ؟
- جاۋاب: چۈنكى ئىلىمنىڭ پايدىسى بارلىق نەرسىلەرگە، ھەتتا بېلىق بېلىجانلارغىچە ئومۇمىي بولىدۇ. ئالىم ئىلىم ئارقىلىق نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ھەممە نەرسىگە، ھەتتا بوغۇزلىنىدىغان ھايۋانلاردىن بېلىقلارغىچە ياخشىلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئالىملارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات سۈپىتىدە بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئالىملارغا مەغپىرەت. تىلەشكە ئىلھام قىلىدۇ
«سەھىھەين»دە ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مېنى ۋەسىلە قىلىپ ئەۋەتكەن ھىدايەت ۋە شەرىئەت ئىلمى گوياكى زېمىنغا ياغقان مول يامغۇرغا ئوخشايدۇ. بەزى يەرلەر مۇنبەت بولۇپ، يامغۇرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك ئۆسۈملۈك ۋە ئوت - چۆپلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. بەزى يەرلەر گىياھ ئۈنمەس، سۇ سىڭمەس تېتىرلىق بولۇپ، سۇ يەر يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن بەندىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ. كىشىلەر ئۇ سۇدىن ئىچىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلاغلىرىنى ۋە زىرائەتلىرىنى سۇغىرىدۇ. يەنە بىر قىسىم تۈزلەڭ، شور يەرلەر بولۇپ، ئۈستىدە سۇمۇ تۇرمايدۇ، گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ. يۇقىرىقىلار دەل ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى چۈشىنىپ، ئاللاھ تائالا مەن بىلەن ئەۋەتكەن تەلىماتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشى بىلەن ئەكسىچە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇ تەلىماتقا باقمىغان ۋە ئاللاھ تائالا مەن بىلەن ئەۋەتكەن ھىدايەتنى قوبۇل قىلمىغان ئادەمنىڭ مىسالىدۇر». ھەيھات، ئەي ئاللاھ رەھمەت قىلغۇر، قارىغىنا، ھەدىستىكى نېمىدېگەن ھە؟! ئىدراك ئىگىلىرى بولمىش فەقىھلەر ھەقىقەتەن بەئەينى- يارقىن ئوخشىتىش چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن زېمىنغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇلار- سۇ سىڭىشچان، ئوت ئىلىم ئىگىسى، چۈشەنگەن، يەكۈنگە باي ۋە باشقىلارغا ئۆگەتكۈچىلەردۇر. گەرچە فەقىھلەرچىلىك چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە فىقھ ئىلمىگە ۋاقىپ بولمىسىمۇ، ھەدىسلەرنى ،توغرا نەقىل قىلىپ بەرگۈچىلەر بەئەينى سۇ ساقلايدىغان تېتىرلىققا ئوخشايدۇ ئۇلاردىن كىشىلەر مەنپەئەتلىنىدۇ. لېكىن، تەندۇرۇس تۇرۇپمۇ ئىلىم. ئۆگەنمەيدىغان، يادقا ئالمايدىغانلارمۇ بار، ئۇلار نادان قارا خەلقتۇر
ھەسەن بەسرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — : «ئەگەر ئالىملار بولمىسا ئىدى، كىشىلەرنىڭ ھايۋاندىن پەرقى قالمايتتى» دېگەن
مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئىلىم ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئاللاھ ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىش ئاللاھتىن قورققانلىقتۇر؛ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئىبادەتتۇر؛ ئىلىمنى ئۆزئارا دەرس قىلىشىش تەسبىھتۇر؛ ئىلىم ھەققىدە ئىزدىنىش جىھادتۇر؛ بىلمەيدىغانلارغا ئىلىم ئۆگىتىش سەدىقە، ئىلىمگە لايىق كىشىگە ئىلىم بېرىش ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەلدۇر. ئىلىم يالغۇزلۇقتا ئۈلپەت، خالىي قالغاندا دوستتۇر» دېگەن.
كەئب — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلىپ: ‹ئى مۇسا! ياخشىلىقنى ئۆگەنگىن ۋە ئۇنى كىشىلەرگە ئۆگەتكىن. مەن ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچى ۋە ئۇنى ئۆگەنگۈچىنىڭ قەبرىسىنى يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن نۇرلاندۇرۇپ بېرىمەن› دېگەن».
ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر» دېگەن.
مۇئەللىف ئىبنۇلجەۋزىي ئېيتۇر: ئالىملار بۇ ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغان پەرز. ئىلىمنىڭ زادى قايسى ئىلىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلاردا بولدى
فەقىھلەر: «فىقھ ئىلمى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر، چۈنكى ھالال ۋە ھارام مۇشۇ ئىلىم بىلەن ئايدىڭلىشۇر» دېسە؛
مۇفەسسىرلەر ۋە مۇھەددىسلەر: «بۇ قۇرئان ۋە سۈننەت ئىلمىدۇر، چۈنكى بۇ ئىككى ئىلىم بارلىق ئىلىملەرنىڭ ئاچقۇچىدۇر» دېيىشتى؛
سوپىلار: «ئىخلاس ۋە نەپس ئاپەتلىرىنى بىلىش ئىلمى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر» دېسە ؛
كالامچىلار: «بۇ ئىلمى كالامدۇر» دېدى
بۇ ھەقتە يەنە كىشىنى قايىل قىلمايدىغان نۇرغۇن قاراشلار بار. بىزچە توغرىسى بۇ ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغان پەرز ئىلىم: بەندە بىلەن پەرۋەردىگارى .ئارىسىدىكى مۇئامىلىگە دائىر ئىلمىدۇر
بەندىگە يۈكلەنگەن مۇئامىلە ئۈچ قىسىمدۇر:
- ئېتىقاد (ئىشىنىپ باغلىنىش)؛
- ئەمەل (بۇيرۇلغاننى ئورۇنداش)؛
- تەرك (چەكلەنگەن نەرسىلەرنى تاشلاش). كىچىك بالا بالاغەتكە قەدەم قويغان ھامان ئالدى بىلەن كەلىمەئى شاھادەتنى ئېيتىش ۋە مەنىسىنى ئۆگىنىشى ۋاجىبتۇر. ئۇ كۆزىتىپ، دەلىللەر بىلەن قانائەت . شاھادەت ئېيتقان بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ— دوراپ— ھاسىل قىلماي تۇرۇپ چۈنكى، ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نادان ئەرەبلەرنىڭ، ئىسلامغا كىرىشىدە گەرچە دەلىللەرنى چىن مەنادا تونۇپ يەتمىگەن بولسىمۇ ئېيتقان شاھادەتلىرىنى كۇپايە كۆرگەن ئىدى، چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا ئورۇندىلىشى زۆرۈر پەرز ئىدى. ئاندىن كېيىن، (ئاللاھنىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىنى) كۆرۈش ۋە .(ئاللاھ تائالانى) دەلىللەر بىلەن تونۇش ۋاجىبتۇر
ناماز ئۆتەش ۋاقتى كەلگەندە تاھارەت ئېلىش ۋە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىشى؛ رامازان ئېيىغىچە ياشىسا روزا تۇتۇشى؛ ئەگەر مېلى بولۇپ، بىر يىل يىللىغان ، يۇ، قۇربى يەتسە- بولسا زاكات ئىلمىنى ئۆگىنىشى؛ ئەگەر ھەج ۋاقتى كەلسە .ھەج پائالىيەتلىرىنى ئۆگىنىشى ۋاجىبتۇر
تەرك يەنى تاشلاش بولسا، ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، قارىغۇ كىشىنىڭ قاراش ھارام نەرسىلەرنى، تىلسىزنىڭ دېيىش ھارام سۆزلەرنى ئۆگىنىشى ۋاجىب ئەمەس. لېكىن، مۇبادا ئۇلار ياشاۋاتقان يۇرتتا ھاراق ئىچىش، ئەرلەر يىپەك كىيىم كىيىشتەك ئادەتلەر بولسا، بۇلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىشى .ۋاجىبتۇر
ئېتىقاد ئىشىنىشكە كەلسەك: كىشىنىڭ ئېسىگە كېلىش مۇمكىن خۇسۇسلارغا ماس ئېتىقادىي ئىشلارنى بىلىشى ۋاجىبتۇر. ئەگەر كىشىنىڭ قەلبىگە كەلىمەئى شاھادەتنىڭ مەزمۇنىغا دائىر شەك چۈشسە، ئۇنىڭ شۇ شەكلەرنى يوقىتىشقا ئالاقىدار ئىلىملەرنى ئۆگىنىشى؛ ئەگەر بىدئەت ئىشلار كۆپ بولىدىغان بىر رايوندا بولسا، ئۇنىڭغا ھەق تەلقىن قىلىنىشى ۋاجىبتۇر. مەسىلەن، جازانىخورلۇق تارقالغان بىر شەھەردە ياشايدىغان سودىگەرگە ئۆسۈمدىن ساقلىنىشنى ئۆگىنىش. ۋاجىبتۇر
يەنە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، جەننەت ۋە جەھەننەمگە ئىمان ئېيتىشنى .ئۆگىنىش لازىم، يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەرز ئەين دېگىنىمىز. ھەربىر كىشى ئۆگىنىشى ۋاجىب ئىلىمدۇر
پەرز كۇپايە بولسا، دۇنيا ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىپ تۇرۇشىدا بىھاجەت بولغىلى ،بولمايدىغان بارلىق ئىلىملەردۇر. مەسىلەن، تېبابەت ئىلمى شۇلاردىندۇر. چۈنكى بەدەن ساقلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈردۇر. مىراس، ۋەسىيەت ۋە باشقا. تەقسىماتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ھېساب ئىلمى ناھايىتى مۇھىمدۇر
قايسىبىر يۇرتتا بۇ ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى بولمىسا، پۈتۈن ئاھالە گۇناھكار بولىدۇ. ئەگەر بىر كىشى بولسىمۇ بۇ ئىلىملەرنى ئۆگەنسە .كۇپايىدۇر ۋە پەرزلىك قالغان كىشىلەردىن ساقىت بولىدۇ
ئەلبەتتە «تېبابەت ۋە ھېساب ئىلىملىرىلا پەرز كۇپايەمىكىن» دەپ ھەيران . كەسىپلەر پەرز كۇپايە قاتارىدىندۇر- بولماڭ. توغرىسى جىمى ئاساسلىق ھۈنەر. دېھقانچىلىق، توقۇمىچىلىق ۋە ھاجامات (لوڭقا قويۇپ قان ئېلىش) دېگەندەك چۈنكى، بىر شەھەردە ھاجاماتچى پەقەتلا بولمىسا، شەھەر ئاھالىسىگە تېزلا ھالاكەت يېتىشى مۇمكىن. كېسەلنى بەرگەن زات دورىنىمۇ بەرگەن ۋە دورىنى .قانداق ئىشلىتىشنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن
ھېساب ۋە تېبابەت ئىلمىنى نازۇك تەرەپلىرىگىچە چوڭقۇرلاپ بىلىش ئەلبەتتە .پەزىلەت. لېكىن، ھەردائىم ئۇ دەرىجىدە ھاجەت چۈشۈۋەرمەيدۇ
بەزى ئىلىملەر مۇباھ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەزمۇندا بولمىغۇرلۇق يوق شېئىر ۋە تارىخ ئىلمىنى ئۆگىنىش شۇ قاتاردىندۇر. بەزى ئىلىملەرنى ئۆگىنىش. ئەيىبلىنىدۇ: «سېھىر، تىلسىم ۋە كۆز باغلاش» دېگەندەكلەر
بارچە شەرئىي ئىلىملەر ماختىلىدۇ. ئۇلار: ئۇسۇل (ئاساس ئىلىم)، فۇرۇئ (شاخچە ئىلىم)، مۇقەددىمات (باشلانغۇچ ئىلىم) ۋە مۇتەممىمات (تاماملىغۇچى .ئىلىم) قاتارلىق قىسىملارغا بۆلىنىدۇ
ئۇسۇل (شەرئىي دەلىللەر): ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى، ئۈممەتنىڭ ئىجمائسى ۋە ساھابەلەردىن كەلگەن بايانلار .)(ئاسار
يەنى ئەقىللەر ئاساس ئىلىملەردىن چۈشەنگەن مەنالاردۇر. ھەتتا:فۇرۇئ ئەقىللەر بۇ مەنالارنى ھەم ئېغىزدىن چىققان لەۋزدىن چىقىرىدۇ، ھەم ئۇدۇل ئېيتىلمىغان يان مەنىلەردىن يەكۈنلىگەن بولىدۇ. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «قازى ئاچچىقى يانماي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلمايدۇ» دېگەن سۆزىدىن قازىنىڭ ئاچ قورساقمۇ ھۆكۈم قىلالمايدىغانلىقى مەنىسى چىقىدۇ
نەھۋ (گرامماتىكا) ۋە لۇغەتكە ئوخشاش قورال سۈپىتىدىكى:مۇقەددىمات ئىلىملەر بولۇپ، ھەربىرى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ئۆگىنىشتە زۆرۈر ۋاسىتىدۇر. مۇتەممىمات: قىرائەت ۋە ھەرپ مەخرەجلىرى (توغرا تەلەپپۇز) ئىلمى، ھەدىس ، راۋىيلەرنىڭ ئادالىتى ۋە ئەھۋالل دائىر ئىلىملەر بولۇپ، بۇلارنىڭ رىجالى .ھەممىسى شەرئىي ئىلىملەردۇر ۋە ھەممىسىلا ماختىلىدۇ
پەسل
مۇئامىلە ئىلمى: قورقۇش، ئۈمىد، رازىلىق، راستچىللىق ۋە ئىخلاس قاتارلىق تۈرلۈك قەلب ئەھۋالل مۇناسىۋەتلىك ئىلىمدۇر. بۇ ئىلىم سايىسىدە سۇفيان سەۋرىي، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن ۋە باشقا بۈيۈك ئالىملار يۇقىرى مەرتىۋىگە .ئېرىشتى ۋە ئەمەلىي تەتبىقلاشلىرى بىلەن مەشھۇر بولدى
«فۇقاھا ۋە ئەللامە» دەپ تەرىپلەنگەن كىشىلەر ئىلىمنىڭ ھەقىقەتلىرىگە يېتىش ۋە سىرلىرى بىلەن ئەمەل قىلىش ئۈچۈن روھىنى ئالماي پەقەتلا ئىلىمنىڭ زاھىرى بىلەنلا مەشغۇل بولۇشقاچ، مەرتىبىلىرى ئۆز ماقاملىرىدىن چۈشۈپ كەتتى. بەزىدە شۇنداق فەقىھلەر ئۇچرايدۇكى، «زىھار — ئەر-خوتۇن قەسەم ئىچىپ لەنەتلىشىش، بەسلىشىش ۋە مەرگەنلىك» دېگەندەك تېمىلاردا ئەھكام ئۆگىتىۋاتقان بولىدۇ ياكى نۇرغۇنلىغان شاخچە، ئەمما كەمدىن كەم ئېھتىياج چۈشۈپ قالىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ-يۇ، ئەسلى ۋەزىپىسى بولغان ئىخلاسنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە رىيادىن ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ئىشى يوق. ھالبۇكى، فەقىھ كىشى ئۈچۈن پەرز ئەين ئەمەل دەل كېيىنكىسىدۇر. چۈنكى، ئىخلاس ۋە رىياغا سەل قاراش ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئاۋۋالقىسى بولسا پەرز كۇپايەدۇر. ئەگەر ئۇنداقلاردىن نېمىشقا ئىخلاس ۋە رىيا ھەققىدە سۆزلىمەيدىغانلىقىنى سورىساڭ جاۋاب بەرمەيدۇ. «قەسەم ئىچىپ لەنەتلىشىش، مەرگەنلىك» دېگەنلەرنىڭ ھۆكمىنى سورىساڭ، ئەلبەتتە پەرز كۇپايە ئىكەنلىكىنى تەن ئالغان بولاتتى. دېمىسىمۇ شۇنداق. ئەجەبا، ئۇ ھېساب ئىلمىنىڭمۇ پەرز كۇپايەلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟! ئۇنداقتا نېمىشقا ھېساب ھەققىدە سۆزلىمەيدۇ؟! ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا شۇ ئەمەلنى دەل نەپسى چىرايلىق كۆرسەتكەن. چۈنكى، نەپس ياخشى كۆرىدىغان رىياكارلىق ۋە داۋراڭ سېلىش ھېساب ئىلمى بىلەن ئەمەس، بەلكى سۆزمەنلىك، مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق نامايان بولىدۇ.
ئىلىملەرنىڭ لەۋزىدىن ئۆزگەرتىلگەن نەرسىلەر، بىلگىنكى، نۇرغۇن ھەق سۆزلەر يا ئۆزگەرتىۋېتىلدى ۋەيا بۇرمىلىۋېتىلدى .ئىلگىرى ئۆتكەن سالىھلەر چۈشەنگەن مەنىدىن باشقا مەنىگە ئۆتۈپ كەتتى بىرىنچى ئۆزگىرىپ كەتكەن سۆز: فىقھ (الفقه)
بۆلۈم: “ئىلىملەرنىڭ لەۋزىدىن ئۆزگەرتىلگەن نەرسىلەر، بىلگىنكى، نۇرغۇن ھەق سۆزلەر يا ئۆزگەرتىۋېتىلدى ۋەيا بۇرمىلىۋېتىلدى .ئىلگىرى ئۆتكەن سالىھلەر چۈشەنگەن مەنىدىن باشقا مەنىگە ئۆتۈپ كەتتى بىرىنچى ئۆزگىرىپ كەتكەن سۆز: فىقھ (الفقه)”كۈنىمىزدە بۇ ئىبارە شاخچە مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىشكە خاسلىشىپ قالدى. ھالبۇكى، دەسلەپكى دەۋرلەردە ئاخىرەت يولىنى بىلىش، نەپس ئاپەتلىرىنىڭ نازۇك جەھەتلىرى ۋە (خالىسانە) ئەمەللەرگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان سەۋەبلەرنى بىلىش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەسلىكىنى ئوبدان تونۇش، ئاخىرەت نېئمىتىگە قاتتىق ئىنتىلىش ۋە ئاللاھ قورقۇنچىنىڭ قەلبكە ھۆكۈمران بولۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
ھەسەن بەسرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇر: «شەكسىزكى، فەقىھ دېگەن دۇنياغا قىزىقماي ئاخىرەتكە قىزىقىدىغان، دىنىدىن خەۋەردار، پەرۋەردىگارىغا داۋاملىق ئىبادەت قىلىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ يۈز - ئابرۇيىنى تۆكۈشتىن ئۆزىنى تىزگىنلەيدىغان پەرھىزكار، مۇسۇلمانلارنىڭ ماللىرىغا چېقىلمايدىغان ۋە مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىدىغان كىشىدۇر».
شۇڭا، ئىلگىرىكىلەر فىقھ ئاتالغۇسىنى كۆپرەك ئاخىرەت ئىلمىگە ئىشلىتەتتى. ھەرگىز نوقۇل پەتۋا بېرىشتىنلا ئىبارەت ئەمەس، بەلكى ئومۇمىيلىق ۋە مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭرىلىكى بىلەن پەتۋا ئىلمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
كېيىنكىلەرنىڭ بۇ ئىبارىنى پەقەتلا شاخچە مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىشكىلا خاسلاشتۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە كىشىلەر ئوچۇقچە پەتۋا ئىلمى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، ئاخىرەت ئىلمىگە قىزىقمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى.
ئىككىنچىسى: ئىلىم (العلم). بۇ ئىبارە ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇ زاتنىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىنى، يەنى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى ۋە بەندىلىرىگە قارىتا رەھمەتلىرىنى بىلىشكە قوللىنىلاتتى. كېيىنچە بۇ ئىبارىنىڭمۇ مەزمۇنى تارىيىپ كەتتى، ھەتتا كۆپىنچە فىقھىي مەسىلىلەردە مۇنازىرە قىلغۇچى گەرچە ئۇ تەپسىر ۋە ھەدىسلەرنى بىلمىسىمۇ ئىلىم ئىگىسى، دەپ ئاتالدى.
ئۈچىنچىسى: تەۋھىد (التوحيد). بۇ ئىبارە بارلىق سەۋەب ۋە ۋاسىتىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغان دەرىجىدە ھەممە ئىشلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىنى تونۇشنى كۆرسىتەتتى. بۇ دەرىجىدىكى تونۇشنىڭ مېۋىسى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش ۋە ئاللاھ تائالادىن رازى بولۇشتۇر. ھالبۇكى، ھازىر ئەقىدە ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ھەققىدە گەپ يورغىلىتىش سەنئىتى تەۋھىد بولۇپ قالدى. بۇ سەلەف سالىھلەرنىڭ نەزەرىدە مۇنكەر ئىشلار قاتارىدىن ئىدى.
تۆرتىنچىسى: ئەسلىتىش (التذكير). ئاللاھ ئېيتۇر: «ئەسلەتكىن، چۈنكى ئەسلىتىش مۇئمىنلەرگە پايدا بېرىدۇ» «51زارىيات-55». رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جەننەت باغچىلىرىدىن ئۆتسەڭلار، خاھلىغانچە يەپ - ئىچىڭلار» دېگەنىدى، ساھابەلەر: «جەننەت باغچىلىرى نېمىدۇر، ئى رەسۇلۇللاھ؟» دەپ سورىدى. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى: «زىكىر سورۇنلىرىدۇر» دېدى.
ھالبۇكى، كۈنىمىزدە زىكىر سورۇنلىرى مەدداھلار قىسسەخانلىق قىلىدىغان، شەرىئەتكە مۇخالىپ سۆزلەر ۋە باشقا ئاپەتلەر يامرىغان سورۇنلارغا ئايلىنىپ قالدى.
ئاۋۋالقىلارنىڭ قىسسەلىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىلار بىلسۇنكى، ئۇ ھېكايات ۋە قىسسەلەرنىڭ كۆپىنچىسى توقۇلمىدۇر. مەسىلەن: يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشتان بېغىنى يەشكەنلىكى؛ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى قولىنى چىشلىگەن ھالەتتە كۆرگەنلىكى؛ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورىيانى جىھادقا چىقىشقا بۇيرۇپ، ئورىيانىڭ جىھادتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش قىسسەلەرنى ئاڭلاش زىيانلىقتۇر.
مۇتەسەۋۋىفلەرنىڭ ئۆز كۆڭۈللىرىدىكى ئىلاھىي سۆيگۈ سىرلىرىنى سۆزلەپ يۈرۈشىدەك باشقىلار چۈشەنمەيدىغان غەلىتە سۆزلەر (الشطح) بىلەن شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىنى تولغاپ ئىزاھلاش (الطامات) قا كەلسەك، بۇ ئاۋام خەلققە قاتتىق سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇ سۆزلەر سۆيگۈ، مۇھەببەت داستانى، ۋىسال شەربىتى ۋە پىراق ئەلەملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداق سورۇندىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تومپاي، ئىچى ھېرىسكە تولغان شەكىلۋاز كىشىلەردۇر. شۇڭا، ئۇ سۆزلەر ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن ھېرىس - شەھۋەتنىلا قوزغىتىدۇ، نەپسى ئوت ئېلىپ قاتتىق چۇقان سالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پاساتچىلىق خالاس.
بەزىدە مۇتەسەۋۋىفلەرنىڭ بۇنداق ئاجايىب - غارايىب سۆزلىرى ئاللاھ تائالانى قاتتىق ياخشى كۆرۈش دەۋاسى بىلەن بېزەلگەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانمۇ بەسى چوڭدۇر. خېلى كۆپ دېھقان كىشىلەر مۇشۇ تۈرلۈك دەۋالار بىلەن دېھقانچىلىقلىرىنى تاشلاپ قەلەندەر بولۇپ كەتتى.
بەشىنچىسى: ھېكمەت (الحكمة). يەنى ئىلىم ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش. ئىبنى قۇتەيبە — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇر: «بىر ئادەمدە ئىلىم بىلەن ھېكمەت تەڭ تېپىلمىغۇچە، ھەكىم ھېسابلانمايدۇ». ھالبۇكى، ھەكىم كەلىمىسى زامانىمىزدا تېۋىپ ۋە مۇنەججىملەرگە خاس ئىسىم بولۇپ قالدى.
ماقۇل ئىلىملەردىن ماختىلىدىغان مىقدارنىڭ ئىزاھى
بۆلۈم: “ماقۇل ئىلىملەردىن ماختىلىدىغان مىقدارنىڭ ئىزاھى”بىلىنگەيكى، ماختىلىدىغان ئىلىملەر ئىككى تۈرلۈكتۇر:
يىڭنىسىغىچە ماختىلىدىغان ئىلىم. بۇ ئىلىم قانچە- بىرىنچىسى: يىپىدىن كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى ۋە ئەۋزەل. يەنى ئاللاھ تائالانى، ئۇ زاتنىڭ سۈپەتلىرىنى، ئىشلىرىنى ۋە تەرتىپ جەھەتتە ئاخىرەتنى دۇنيانىڭ ئالدىغا قويۇشىدىكى ھېكمەتنى بىلىش شۇ قاتاردىندۇر. بۇ ئەسلىدىلا بىلىش تەلەپ سائادىتىگە- قىلىنىدىغان، تولىمۇ شېرىن ئىلىم بولۇپ، ئۇ ئاخىرەتنىڭ بەخت ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ ئىلىم بەجايىكى چوڭقۇرلۇقتا تېگى يوق، ھەركىم پەقەت ئۆزىگە .قولاي بولغان قىرغاق ۋە ياقىلىرىدىلا ئايلىنالايدىغان دېڭىزنىڭ ئۆزىدۇر
ئىككىنچىسى: قىسمەن ماختىلىدىغان ئىلىملەر. ئۇلار يۇقىرىدا پەرز كۇپايە ئىلىملەر قاتارىدا بايان قىلىندى. ھەر ئىلىمنىڭ باشلانغۇچ، يېتەرلىك ۋە يۇقىرى .سەۋىيەلىرى بار
ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن- شۇ ئىككى كىشىدىن بىرى بول: يا ئۆز مەشغۇل كىشى بول، ياكى ئۆزىدىن ئېشىنالىسا، باشقىلارغىمۇ ۋاقىت ئاجرىتىدىغان. كىشى بول
ئۆز نەپسىڭنى ئىسلاھ قىلماي تۇرۇپ باشقىلارنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىششتىن، ساقلان. تېشىڭنى ئىسلاھ قىلىشتىن بۇرۇن ئىچىڭنى ئىسلاھ قىل: ھەۋەس، ھەسەت، رىيا ۋە كۆرەڭلىك كەبى يامان سۈپەتلەردىن پاكلانغىن. ئاللاھ خاھلىسا. بۇ توغرىدا «ھالاكەتكە تاشلىغۇچى قىلمىشلار» تېمىسىدا توختلاغايمىز
ئەگەر نەپسىڭنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋاقتىڭ يەتمىسە، پەرز كۇپايە ئىلىملەرنى .قويۇپ تۇر. چۈنكى، پەرز كۇپايىلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلار يەتكۈچە بار باشقىلارنى ئىسلاھ قىلىشقا بېرىلىپ ئۆزى ھالاك بولۇش ھاماقەتلىكتۇر. ئۇنداق كىشى بەئەينى ئۆز كىيىمىنىڭ ئىچىگە چايانلار كىرىپ كېتىۋاتسا، باشقىلارنىڭ. چىۋىنىنى قورۇيدىغان ھاماقەتكىلا ئوخشايدۇ
بۇغۇ— مۇبادا ئۆزۈڭنى ئىسلاھ قىلىش ۋە نەپسىڭنى پاكلاشتىن ئېشىنساڭ ئاندىن پەرز كۇپايىلەر بىلەن مەشغۇل بولغىن. ئۇمۇ— تولىمۇ تەس ئىش . ئاستا بولغاي- پەيدىنپەي ۋە ئاستا
ئەۋۋەلەن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ كىتابىنى ئۆگىنىش بىلەن باشال، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ سۈننىتىنى ئۆگەنگىن. ئاندىن تەپسىر، ناسىخ (ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى) ۋە مەنسۇخ (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان)، مۇھكەم (قاراتمىلىقى ئوچۇق) ۋە مۇتەشابىھ (تۇتۇق) ئايەتلەرنى ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا قۇرئانغا مۇناسىۋەتلىك. ئىلىملەرنى ئۆگەنگىن. ھەدىستىمۇ مۇشۇ يولنى تۇت. ئاندىن فىقھ ۋە شاخچە ئىلىملەرنى ئۆگەنگىن ئاندىن كېيىن ئۆمرۈڭ يەتسە ۋە ۋاقىتىڭ يار بەرسە، باشقا ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە .كىرىشسەڭ بولىدۇ
.«بىر پەننى ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر ئۆگىنىمەن» دەپ پۈتۈن ئۆمرۈڭنى ئۆتكۈزمىگىن چۈنكى، ئىلىم كۆپ، ئۆمۈر قىسقا. يۇقىرىقى ئىلىملەر باشقا ئىلىملەرنى ئۆگىنىشتە سايمانلارغا ئوخشايدۇ. باشقا بىر ئىلىمنى ئۆگىنىشتە- گوياكى كېرەكلىك قورال موھتاج بولىدىغان ۋاسىتە ئىلىمنى ئۆگەنگەندە، ئەسل مەقسەتتىكى ئىلىمنى .ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك
ئىلمى ئۆزىگە مەنپەئەت بەرمىگەن ئالىم ھەققىدە
بىلگىنكى، باشقىلارنى يېڭىۋېلىش ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەر بەدئەخلاقلىقلارنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇنداق مۇنازىرىچى ،ئۆزىگە تەڭ تۇرالمىغانلارنى پەس كۆرگەچكە تەكەببۇرلۇقتىن ساقلىنالمايدۇ شۇنىڭدەك نۇرغۇن كىشىلەر باركى، تەڭقۇرلىرىدىن ئۆزىنى يۇقىرى تۇتقاچقا چوڭچىلىق ۋە رىيادىن ساقلىنالمايدۇ. كۈنىمىزدىكى كۆپىنچە مۇنازىرىچىلەر ئۆزىنىڭ مۇنازىرىدە غالىب كەلگەنلىكىنى كىشىلەرگە مەقسەتلىك بىلدۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئۆزىنى ماختاپ، ئاپىرىن ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆمۈرلىرىنى نادىر مەزمۇنلارنى يادلاش ۋە سۆزمەنلىككە ئوخشاش مۇنازىرىدە پايدىلىق، ئاخىرەتتە پايدىسىز ئىلىملەر بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. دەرھەقىقەت رەسۇلۇللاھ: «قىيامەت كۈنى »ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغان كىشى ئىلمى ئۆزىگە مەنپەئەت بەرمىگەن ئالىمدۇر. دېگەن
ئىلىم ئۆگەتكۈچى ۋە ئىلىم ئۆگەنگۈچىنىڭ ئەدەبلىرى
ئىلىم ئۆگىنىش قەلبنىڭ ئىبادىتى، شۇڭا ئىلىم ئۆگەنگۈچى ئاۋۋال نەپسىنى ناچار خۇي ۋە يىرگىنچ خاھىشلاردىن پارىغ قىلىشى ۋە ئىلىم ئۆگىنىشىگە توسقۇنچى ئامىللاردىنمۇ يىراق تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، پىكىر چېچىلسا، ھەقىقەتلەرنى .تونۇپ يېتىش تەسلىشىدۇ
سەلەف سالىھلەر ئىلىمنى ھەممە نەرسىدىن ئەۋزەل كۆرەتتى. رىۋايەت قىلۇرلەركى، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — 40 ياشتىن ئاشقاندا ئۆيلەنگەن؛ ئەبۇبەكرى ئەنبارىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — غا بىر دېدەك ھەدىيە قىلىندى. دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندە ئەبۇبەكرى ئەنبارىي بىر تېمىدا ئويلىنىۋاتاتتى، دېدەك نېرىراقتا كۈتۈپ تۇردى. ئەبۇبەكرى ئەنبارىي:
— بۇ دېدەكنى قۇل سودىگىرىگە ئېلىپ چىقىڭلار، — دېدى. دېدەك:
— مەن نېمىنى خاتا قىلغاندىمەن؟ — دېگەنىدى. ئەبۇبەكرى ئەنبارىي:
— يوقسۇ! مېنىڭ قەلبىم سىز بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالدى، مەن ھېچقانداق ئامىلنىڭ مېنى ئىلىمدىن توسۇشىغا يول قويالمايمەن، — دەپ جاۋاب بەردى. خۇددى بىمار تېۋىپنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغاندەك، ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىمۇ ئۇستازىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماسلىقى، دائىما كەمتەر بولۇشى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۈزەڭگىسىنى تۇتۇپ بېرەتتى ۋە: «بىز ئالىملارغا. مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلدۇق» دەيتتى
ئىلىم ئۆگەنگۈچى قاچانكى، گەرچە ئۆزىدىن ئالىمراق بولمىغان بىر كىشى ،بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئىلمىي پايدا كېلىدىغانلىقى ئېنىق تۇرۇپ چوڭچىلىق قىلسا، ئۇ ناداندۇر. چۈنكى، ھېكمەت مۇئمىننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇركى ئۇنى قەيەردە تاپسا، شۇ يەردىن ئېلىۋالغۇلۇق. ئوقۇغۇچى ئۇستازىنىڭ قارىشىنى ئۆز قارىشىدىن ئۈستۈن تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۇستازنىڭ خاتا قارىشىمۇ .ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ توغرا قارىشىدىن پايدىلىقراقتۇر، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە ئوپچە سالام بەرگەندە .ئۇستازىڭغا ئالايىتەن سالام بېرىشىڭ ئۇنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىكى ھەققىدۇر، ئۇستازىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرغاندا قول ئىشارىتى قىلما، كۆزلىرىڭنى يۇمۇۋالما كۆپ سوئال سورىما، ئۇ بىر مەسىلىگە جاۋاب بېرىۋاتقاندا گېپىگە لوقما سالما؛ قايتا- ئۇستازىڭ چارچاپ قالسىمۇ دەرس سوراپ تۇرۇۋالما، دەرس بەرمىسە قايتا دەرس بېرىشىنى تەلەپ قىلما؛ ئورنىدىن تۇرغاندا كىيىمىنى تۇتما، سىرىنى ئاشكارىلىما ۋە ئۇنىڭ قېشىدا ھېچكىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما؛ ئۇستازىڭنىڭ قۇسۇرىنى ئىزدىمە، ئەگەر خاتالاشسا مەئزۇر كۆر؛ ئۇستازىڭغا: ‹پالانىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، پوكۇنى سىز دېگەننىڭ ئەكسىنى دېگەن› دېمە؛ ئۇنىڭ قېشىدا بىرەر ئالىمنى سۈپەتلىمە؛ ئۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت ھەمراھ بولساڭمۇ ،زېرىكمە، ئۇنىڭ خىزمىتىدىن بويۇن تولغىما ۋە ئۇنىڭ بىرەر ھاجىتى بولسا باشقىلاردىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا تىرىش. ھەقىقەتەن، ئۇستازىڭ بەجايىكى سەن.»‹مېۋىسى قاچان چۈشىدۇ› دەپ كۈتۈپ تۇرىدىغان خورما دەرىخىدۇر
ئىلىمگە قەدەم قويغۇچى دەسلەپكى مەزگىلدە كىشىلەرئارا ئىختىلاپلارغا قۇلاق سېلىشتىن ساقلانغاي. چۈنكى، زىيادە قىزىقىش ئۇنى گاڭگىرىتىپ، زېھنىنى .چارچىتىپ قويىدۇ
ئۆمۈر بارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە يەتكۈدەك ئۇزۇن ئەمەس. شۇڭا، ئىلىم ئۆگەنگۈچى بارلىق ئىلىملەردىن ئەڭ ياخشىسىنى ئېلىشى ۋە پۈتۈن ۋاقتىنى ئەڭ. شەرەپلىك ئىلىم بولمىش ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلىمگە سەرپ قىلىشى كېرەك بۇ ئىلىم ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەقىن (قەتئىيلىك) ماقامىغا ئېرىشتۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇبەكرىگە گۇۋاھلىق بېرىپ: «ئەبۇبەكرى سىلەردىن نامىزى ۋە روزىسى كۆپلۈك بىلەن ئېشىپ ئىشەنچ) بىلەن ئېشىپ- كەتمىدى، بەلكى كۆكسىگە ئورناتقان نەرسە (ئىمان .. بۇلارنىڭ ھەممسى ئىلىم ئۆگەنگۈچىنىڭ ۋەزىپىسىدۇركەتتى» دېگەن
ئۇستازنىڭ ۋەزىپىلىرى
بۆلۈم: “ئۇستازنىڭ ۋەزىپىلىرى”ئۇستازنىڭمۇ ھەم قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى بار:
شۇلاردىن بىرى: ئوقۇغۇچىلارغا شەپقەتلىك بولۇش، ئۇلارنى ئۆز بالىلىرى ئورنىدا كۆرۈش؛ ئۇستاز ئىلىم ئۆگەتكەنلىكىگە ھەق ئالمايدۇ، مۇكاپات ۋە تەشەككۈر كۈتمەيدۇ. بەلكى ئىلىمنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا ئۆگىتىدۇ، ئۆزىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېھسان قىلغۇچى دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆزى تېرىغان ئىلىم بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئاللاھقا يېقىنلاشقانسېرى بۇنى ئۇلار ئۈچۈن بىر پەزىلەت دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇلار بەئەينى بىر تېرىقچىنىڭ ئېكىنزارىدا ئايلىنىپ يۈرگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇستاز ھەققىنى ئاللاھ تائالادىنلا تىلىشى كېرەك. سەلەفلەر. ئوقۇغۇچىنىڭ ھەدىيەسىنى زىنھار قوبۇل قىلمايتتى
ۋەزىپىلەردىن يەنە بىرى: ئوقۇغۇچىغا نەسىھەت قىلىپ تۇرۇش ۋە ئەيىبلەپ ئىشارە ئارقىلىق يامان ئەخلاقلاردىن توسۇش؛- تۇرۇپ ئەمەس، مۇمكىنقەدەر ئىما. چۈنكى، تەنقىد ھۆرمەت پەردىسىنى يىرتىپ تاشلايدۇ
ۋەزىپىلەردىن يەنە بىرى: ھەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىدراك ۋە ئەقىل سەۋىيەسىگە قاراش، ئوقۇغۇچىغا ئۇ چۈشىنەلمەيدىغان ۋە ئەقلى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى تاڭماسلىق. چۈنكى، بىر ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن كىشىلەرگە ئەقىللىرى مىقدارىدا خىتاب قىلىشقا بۇيرۇلدۇم» دېگەن.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆكسىنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «بۇ يەردە ئىلىم بار، كاشكى بۇ ئىلىمنى كۆتۈرەلەيدىغانلارنى تاپالىسام!» دېگەن.
ئىمام شافىئىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن:
،چاھارپايلار ئاراسىغا چاچارمەنمۇ گۆھەرنى ،قوي باقارغا نەزمە قىلىپ يۈرەرمەنمۇ نەسىرنى ،نادانغا ئىلىم بەرسە كىشى زايە قىلمىش ئولۇر. بەرمىسە گەر لايىقلارغا زۇلۇم ئەتمىش بولۇر
ۋەزىپىلەردىن يەنە بىرى: ئىلمىگە ئەمەل قىلىش ۋە سۆز-ھەرىكىتى بىردەك بولۇش. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: «كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتابنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر؟» «2بەقەرە-44» دەيدۇ.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن ئۈچۈن ئىككى ئادەم مۇسىبەتتۇر: بىرى، بىھايا. ئالىم، يەنە بىرى، ئىبادەتگۇي جاھىل» دېگەن
ئىلىمنىڭ ئاپەتلىرى، ناچار ئالىملار ۋە ئاخىرەتنى كۆزلەيدىغان ئالىملار
دۇنيادا پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە— ناچار ئالىملار. يۈكسەك ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلىم ئالغان ئالىملاردۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىلىمنى دۇنيالىق مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆگەنسە، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ» دېگەن.
يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى ئىلمى بىلەن ئالىملارغا كىبىرلىنىش ياكى نادانلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش ۋەياكى كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن ئىلىم تەلەپ قىلسا، ئۇنداق كىشى دوزىخىيدۇر» دېگەن. بۇ ھەقتە ھەدىسلەر كۆپتۇر.
سەلەفلەردىن بىرى: «سەكراتتىكى چاغدا قاتتىق نادامەت چېكىدىغان كىشى .ئۆمرىنى غەپلەت ۋە سەل قاراش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئالىمدۇر» دېگەن
بىلگىنكى، ئالىمغا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقلاردىن توسۇش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن. «ئالىم زاھىد بولۇپ، ھەممىنى تاشلىسۇن» دېمەيمىز، پەقەت كۈچىنىڭ يېتىشىچە دۇنياغا بېرىلمىسۇن. نېمىلا دېگەن بىلەن، ھەممە ئادەمنىڭ. رىيازەتكە چىدىيالىشى ناتايىن. كىشىلەر ئوخشىمايدۇ
— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— رىۋايەت قىلۇرلەركى، سۇفيان سەۋرىي »تاماقنى ئوبدان يەيتتى ۋە: «ئۇلاغقا ھەلەپ ياخشى بېرىلمىسە ئىشلىمەيدۇ .دەيتتى
تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— ئىمام ئەھمەد ئىچىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا بەكرەك سەبر قىلاتتى. دېمەك، ئىنسانلارنىڭ. تەبىئىتى خىلمۇخىلدۇر
ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى: ئۇلار دۇنيانىڭ ئەرزىمەس، ئاخىرەتنىڭ بىباھا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ ئىككىسى دەرۋەقە ئىككى كۈندەشكە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئاخىرەتنى ئەۋزەل بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە زىت كەلمەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە- ھەرىكەتلىرى گەپ- ئىش، مەنپەئەتلىك ئىلىمگە مايىلدۇر. شۇڭا، مەنپەئەتى زىيادە بولغان ئىلىمنى تاللاپ. مەنپەئەتى ئاز ئىلىمدىن يىراق تۇرىدۇ
— ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن— شەقىق ئەلبەلخىي ھاتىم ئەلئەسەمدىن :سورىدى
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىز بىلەن بىرگىسەن، نېمىلەرنى ئۆگەندىڭ؟—
ھاتىم جاۋابەن مۇنداق دېدى:
— سەككىز تۈرلۈك ئىلىم ئۆگەندىم:
-
مەخلۇقاتقا قارىدىم، ھەركىمنىڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىسى بار ئىكەن، كىشى قەبرىگە يەتكەندە، ياخشى كۆرگەن نەرسىسى ئۇنىڭدىن ئايرىلىدىكەن، شۇڭا مەن قەبرەمدە مەن بىلەن بىللە بولۇشى ئۈچۈن ياخشى ئەمەلنى ئۆزۈمگە يار قىلدىم.
-
مەن ئاللاھ تائالانىڭ: «پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەتتۇر» «79نازىئات-40-41» دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە نەپسىمنى خاھىشىمغا بېرىلىشتىن توسۇشقا كۈچىدىم، شۇندا نەپسىم ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتا مۇستەھكەم تۇردى.
-
كۆردۈمكى، ھەركىمنىڭ قېشىدا ئۆزى ساقلايدىغان قىممەتلىك نەرسىسى بار ئىكەن، مەن ئاللاھ تائالانىڭ: «(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەبر قىلغۇچىلارغا، ئەلبەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز» «16نەھل-96» دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە قاچانكى قولۇمغا قىممەتلىك نەرسە چۈشۈپ قالسا، ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ماڭا ياخشىلىق ئەپكەلسۇن ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلدىم.
-
كۆردۈمكى، كىشىلەر مال-دۇنيا، كېلىپ چىقىش ۋە شەرەپكە ھېرىسمەن ئىكەن، ھالبۇكى بۇلار ئەرزىمەس نەرسىلەردۇر. مەن ئاللاھ تائالانىڭ: «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» «49ھۇجۇرات-13» دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ھۆرمەتلىك بولۇش ئۈچۈن تەقۋادار بولۇشقا تىرىشتىم.
-
قارىسام، كىشىلەر ئۆزئارا ھەسەت ئىچرە ئىكەن، مەن ئاللاھ تائالانىڭ: «بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۆزلىرى ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق» «43زۇخرۇف-32» دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە ھەسەت قىلىشنى تاشلىدىم.
-
قارىسام، كىشىلەر بىر-بىرىنى دۈشمەن تۇتۇشىدىكەن، مەن ئاللاھ تائالانىڭ: «شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار» «35فاتىر-6» دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە كىشىلەرنى دۈشمەن تۇتۇشنى تاشلاپ، شەيتاننى دۈشمەن تۇتتۇم.
-
قارىسام، كىشىلەر رىزىق تەلەپ قىلىپ ئۆزىنى خار قىلىشىدىكەن، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ: «يەر يۈزىدىكى بارچە ھايۋانلارغا رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغاندۇر…» «11ھۇد-6» دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى ھەقلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدۇم. ئۆزۈم ئۈچۈن بولغان نەرسىنى ئاللاھقا قويدۇم.
-
مەن كىشىلەرنى تىجارىتىگە، كەسىپ-كارىغا، تەن ساقلىقىغا تەۋەككۈل قىلغان ھالەتتە كۆردۈم، ئاندىن ئاللاھ تائالاغىلا تەۋەككۈل قىلدىم.
ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملار ئەمەلدارلار بىلەن ئارىلاشمايدۇ، ئۇلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ.
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
— پىتنىگە چۈشۈپ قالىدىغان يەرلەردىن ساقلىنىڭلار! — دېگەنىدى،
— نېمىنى كۆزدە تۇتتىڭىزكىن؟ — دېيىشتى. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
— ئەمىر-ئۆمەرالارنىڭ بوسۇغىسىنى. ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا بارسا، (خۇشامەتەن) يالغانلىرىنى تەستىقلاپ، ئۇلارنى ئۆزىدە يوق سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەپ قويىدىغانلار بار — دېدى.
- : «ئەمىر— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، ئۆمەرالار بىلەن يېقىن بىرەر ئالىمنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئۇنداق ئالىم ئوغرىدۇر» دېگەن، بەزى سەلەفلەر: «ئەمىرلەر سېنىڭ دىنىڭدىن ئەۋزەلرەك نەرسىگە ئېرىشمىگۈچە .سەن ئۇلارنىڭ دۇنياسىدىن بىرەر نەرسىگە ئېرىشەلمەيسەن» دېگەن
ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملار: پەتۋا بېرىشكە ئالدىرىمايدۇ ۋە توغرىلىقىغا جەزم قىلمىغۇچە پەتۋا بەرمەيدۇ. سەلەف سالىھلەر بىر مەسىلىگە پەتۋا بىرىگە ئىتتىرىشەتتى، ھەتتا ئۇ مەسىلە ھەققىدە پەتۋا بېرىش- بېرىشنى بىر. چۆرگىلەپ بىرىنچى كىشىگە قايتاتتى
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇر: «مەن مەسجىدى نەبەۋىيدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن 120 كىشىنى كۆرگەنمەن. ئۇلارنىڭ قايسىبىرىدىن ھەدىس ياكى پەتۋا توغرۇلۇق سورالسا، ئۇ چوقۇم قېرىندىشىنىڭ جاۋاب بېرىشىنى خاھلايتتى».
مانا ئەمدى ئۆزىنى ئىلىملىك سانىغۇچى بىر تۈركۈم كىشىلەر بىرەر مەسىلە ئوتتۇرىغا تاشلانغان ھامان جاۋابلاش ئۈچۈن دەرھال سەكرەپ چۈشىدىغان بولۇپ كەتتى. «ئەگەر بۇ مەسىلىلەر ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سۇنۇلسا ئىدى، (چوقۇم) بەدر ئۇرۇشىغا قاتناشقان ساھابەلەرنى يىغىپ، مەسلىھەتىنى .»ئالغان بولاتتى
،ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملار: كۆپىنچە «ئەمەللەرنى نېمىلەر بۇزىدۇ نېمىلەر قەلبلەرنى بۇزىدۇ ۋە نېمىلەر ۋەسۋەسە قوزغايدۇ؟» دېگەن ھەقتە بىرىگە يېقىن ۋە قواليدەك- ئىزدىنىشىدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر كۆرۈنۈشتە بىر بولغىنى بىلەن، ساپ ئەمەل بەسى قىيىندۇر. دىننىڭ ئاساسى يامانلىقتىن ساقلىنىشتۇر، شۇڭا ساقلىنىدىغان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگۈچە، ئۇنىڭدىن. ساقلانغىلى بولمايدۇ
ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملار: شەرئىي ئەمەللەرنىڭ سىرلىرى توغرۇلۇق ئىزدىنىش ۋە ئۇلاردىكى ھېكمەتلەرنى مۇلاھىزە قىلىش، ئەگەر ئەمەللەرنىڭ بەلگىلىنىش سىرلىرىنى بىلىشتىن ئاجىز كەلسە شەرىئەتكە تەسلىم. بولۇش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ
ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملار: ساھابەلەرگە ۋە تابىئىنلەرنىڭ. ياخشىلىرىغا ئەگىشىدۇ ۋە شۇنداقلا ھەرقانداق بىدئەتتىن ساقلىنىدۇ
ئىزاھاتلار:
- ئەبۇ داۋۇد (3641)؛ تىرمىزىي (2682)؛ ئالبانىي («سەھىھۇ سۈنەنى ئەبى داۋۇد»، 3096): «سەھىھ» دېگەن.
- تىرمىزىي (2685): «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
- ئەھمەد (18011)؛ ئىبنى ماجە (226)؛ تىرمىزىي (3535)؛ ئالبانىي («سەھىھۇ سۈنەنىتتىرمىزىي»، 2801): «ھەسەن» دېگەن.
- مۇسلىم (2699).
- دارىمىي (354)؛ تەبەرانىي («ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 9450) ھەسەن بەسرىيدىن مۇرسەل كەلتۈرگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن بۇنىڭغا ئوخشاشراق مەرفۇئ بىر رىۋايەت كەلگەن.
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (79)؛ مۇسلىم (2282).
- دارىمىي (343)، مەۋقۇف، سەنەدى ياخشى.
- ئالبانىي («مىشكاتۇلمەسابىھ»، 249): «زەئىف» دېگەن.
- مۇسلىم (1955). شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ھەممە ئىشتا ياخشىلىققا ۋە گۈزەللىككە بۇيرۇغان…» دېگەن.
- ئاجۇررىي: «ئەخلاقۇلئۇلەمائ» (22)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ» (1/239)؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «جامىئۇ بەيانىل ئىلىم» (202).
- ئىبنى تەيمىييە («مەجمۇئۇلفەتاۋا»، 4/109): «بۇ مەرفۇئ رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى قاتارىدا مەۋقۇف ساقلىنىپ كەلگەندۇر» دېگەن.
- ئىبنى ماجە (224)؛ ئەلخەللال: «ئەلمۇنتەخەب مىنەلئىلەل» (61، 62). بۇ ھەدىس زەئىف بولسىمۇ كۆپ يولدىن رىۋايەت قىلىنغاچقا، مەزمۇنى سەھىھتۇر. ئىمام مىززىي ۋە ئىمام سۇيۇتىي («ئەددۇرەرۇل مۇنتەسەرە»، 24-بەت): «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 3913، 3914): «سەھىھ» دېگەن.
- ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى1717( )؛ مۇسلىم7158( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي
- ھەدىس رىجالى ئىلمى (عِلْمُ الرِّجَال): ھەدىس ئىلمىدە راۋىيلەر ۋە ئىشەنچلىكلىك دەرىجىلىرىنى بەلگىلەشتە پايدىلىنىلىدىغان يان ئىلىملەر ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بىر ئاتالغۇ. جەرھ ۋە تەئدىل ئىلمى (عِلْمُ الجَرْحِ والتَّعْدِيل) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. — ت.
- زىھار (الظِّهَار): ئەرەبچە «دۈمبە ۋە ئۇچا» دېگەن مەنىدىكى «ئەززاھر / الظَّهْر» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن ئاتالغۇ بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: كىشىنىڭ ئايالىنى ياكى ئايالىنىڭ تېنىنىڭ مەلۇم بىر يېرىنى ئۆزى بىلەن مەڭگۈلۈك نىكاھ چۈشمەيدىغان ئانىسىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە ئوخشىتىپ، ئايالىنى ئۆزىگە ھارام ھېسابلاپ قەسەم ئىچىشى. جاھىلىيەتتە كىشىلەر ئاياللىرىدىن قاتتىق نارازى بولغاندا: «سىز ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىدەك (ھارام)» دېيىش ئارقىلىق ئۇ ئايالنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋېتىپ ھەم قويۇۋەتمەي، ئېسىپ قوياتتى. ئىسلامىيەت بۇنى ھارام قىلىپ، «58مۇجادىلە-2-4»-ئايەتلەردە بۇنى «يامان، ساختا سۆز» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئاخىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇ سۆز تالاق ھېسابلانمايدىغان، لېكىن كەففارەت بەرمىگۈچە ئايالىغا يېقىن كېلەلمەيدىغان بولغان. — ت.
- دارىمىي (294) بىر قىسمىنى رىۋايەت قىلغان. سەنەدى سەھىھ.
- تىرمىزىي (3510)؛ ئەبۇ يەئلا (3432) ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن؛ تەبەرانىي «ئەلكەبىر» (11158) دە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. ئالبانىي («سەھىھۇ سۈنەنىتتىرمىزىي»، 2787): «ھەسەن» دېگەن.
- ») «بەك زەئىف868 ،»). ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ507( ،»تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇسسەغىر. دېگەن
- ،»). سەنەدى «سەھىھ». ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد4613 ،»تەبەرانىي: («ئەلمۇئجەمۇلكەبىر .)15851
- ،» بەت؛ خەتىب ئەلباغدادىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىرراۋىي
- 48 ،»قازى ئىياز: «ئەلئىلمائۇ .199/1
- «مەرفۇئ رىۋايەت قىلىنمىغان» دېگەن962 ،»ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە
- ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ252( )؛ ئىبنى ماجە3664( )؛ ئەبۇ داۋۇد8438( ئەھمەد. ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى
- ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن253( )؛ ئىبنى ماجە2654( تىرمىزىي
- بۇ تابىئىنلەردىن ئەلقەمە رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزىدۇر. قاراڭ: ئابدۇرراززاق (20643)؛ ئەبۇ مەسئۇد ئەلمەئافىي: «ئەززۇھد» (45).
- ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن135( دارىمىي
- ،»بۇ ئەبۇ ھەسىن ئەلئەسەدىينىڭ سۆزىدۇر، سەنەدى ھەسەن. ئىبنى بەتتا: «ئىبتلاۇل ھىيەل . بەت
ئىككىنچى بۆلۈم: تاھارەت ۋە ناماز
بۆلۈم: “ئىككىنچى بۆلۈم: تاھارەت ۋە ناماز”تاھارەت ۋە ئۇنىڭ سىرلىرى، ناماز ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئىشلار
بۆلۈم: “تاھارەت ۋە ئۇنىڭ سىرلىرى، ناماز ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئىشلار”پاكىزلىنىشنىڭ مەرتىۋىسى تۆتتۇر- بىلگىنكى، تاھارەت:
-
تاشقى بەدەننى ماددىي، مەنىۋى كىرلەر ۋە ئارتۇقچە نەرسىلەردىن پاكىزلەش؛
-
ھەرقايسى ئەزالارنى گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن پاكىزلەش؛
-
قەلبنى ناچار خۇيلاردىن ۋە بىزار قىلغۇچى ئەيىبلەردىن پاكىزلەش؛
-
ئىچ دۇنيانى ئاللاھ تائالادىن باشقىسىدىن پاكىزلەش. مانا بۇ پاكىزلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدۇر. ئەقىل-پاراسىتى كۈچلۈك كىشىلا ئۇشبۇ دەرىجىگە يېتىدۇ. پاراسەتسىز كىشى تاھارەت مەرتىۋىلىرىدىن پەقەت بىرىنچى مەرتىۋىنىلا چۈشىنىدۇ. سەن ئۇنداق كىشىنى قىممەتلىك ۋاقتىنىڭ كۆپىنچىسىنى كامىل ئىستىنجائ ۋە كىيىملىرىنى پەۋقۇلئاددە پاكىزە يۇيۇش بىلەن زايە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇنداقلار ۋەسۋەسەگە گىرىپتار ۋە ئىلىمسىزلىكىدىن تەلەپ قىلىنغان تاھارەتنى پەقەت شۇنىڭدىنلا ئىبارەت دەپ قالىدۇ ۋە پۈتۈن ۋاقىتىنى قەلبىنى پاكلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن، تاشقى قىياپىتىگە بەك كۈچىمەيدىغان دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى بىلمەيدۇ. دەرۋەقە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر خرىستىئان ئايالنىڭ ساپلا ھىجرىدا تاھارەت ئالغانلىقى رىۋايەت ماي يۇقۇندىلىرىنى ئۇنچىۋالا سۈرتۈپ- . ئىلگىرىكىلەر قوللىرىدىكى ياغقىلىنىدۇ -كەتمەيتتى، سېلىنچىسىز داق يەردە ناماز ئوقۇيتتى، يالاڭ ئاياغ ماڭاتتى ۋە تاش. چالمىلار بىلەن ئىستىنجائ قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى كېيىن ئىش ھاماقەتلىكنى پاكىزلىق دەۋا قىلىدىغان بىر قەۋمنىڭ قولىغا چۈشتى ،ئۇلارنى ئىچى كىبىر، تەمەننا، نادانلىق، رىيا ۋە مۇنافىقلىق كەبى رەزىللىك تاشقانلىقىغا قارىماي، كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى تاشقى- ئىپلاسلىقلار بىلەن تولۇپ قىياپىتىنى زىننەتلەشكە سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرىسەن. ئەگەر ئۇلار چالمىدا ئىستىنجائ قىلغان، يالاڭ ئاياغ يۈرگەن، داق يەردە ناماز ئوقۇغان ياكى بىر غېرىبنىڭ قاچىسىدا تاھارەت ئالغان بىر كىشىنى كۆرۈپ قالسا، ئۇنى قاتتىق. ئەيىبلەيتتى، ھەتتا ئۇنداقلارنى «مەينەت»كە چىقىرىپ، ھەمداستىخان بولمايتتى
قارىمامسەن، ئۇلار قانداقلارچە ئىمان جۈملىسىدىن بولمىش بەزازەنى !مەينەتلىك، پاكىزلىقنى گالۋاڭلىق، ياخشى ئىشنى يامان ئىشقا ئۆزگەرتىۋەتكەن لېكىن، كىشى پاكىزلىق ئۈچۈن تېشىنى پاكلىسا، سۇ ئىشلىتىشتە ئىسراپچىلىق قىلمىسا ۋە دىندا سۇ ئىشلىتىشنىڭ چېكى يوقلا دېمىسە، ئۇنىڭ بۇ ئىشى مۇنكەر ئىش ئەمەس بەلكى گۈزەل ئىشتۇر. ماددىي ۋە مەنىۋى كىرلەرنى (ئەھكاملىرى بىلەن) بىلىشتە فىقھ كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن. چۈنكى، بۇ كىتابنىڭ. مەقسىتى ئەدەبلەرنى بايان قىلىشتۇر
بەدەندىكى ئارتۇق كىرلەر ئىككى تۈرلۈكتۇر:
- قاسماقلار. باش- باشقا يىغىلىپ قالىدىغان كىر- بىرىنچى تۈر: بەدەن قۇلاقلارنى تازىلاش؛- كۆزنى يۇيۇش، چاچنى تاراش، تۈزەش ۋە مايلاش؛ بۇرۇن - كوينىڭ چاڭ- ئېغىزنى مىسۋاكلاش ۋە چايقاش؛ بۇس، تەر ۋە كوچا توزانلىرىدىن يىغىلىپ قالغان ھەرقايسى ئۈگىلەرنىڭ كىرلىرى ۋە جىمى بەدەننىڭ. قاسماقلىرىنى يۇيۇپ پاكىزلەش مۇستەھەبتۇر
ھاممامغا كىرىش ھېچ گۇناھ ئەمەس. چۈنكى، مۇنچىغا چۈشۈش بىلەن كىرلەر تولۇق تازىلىنىدۇ. رەسۇلى ئەكرەمنىڭ ساھابەلىرىدىنمۇ بىر تۈركۈملەر ھاممامغا كىرگەن ئىدى. لېكىن، ھاممامغا كىرگۈچى ئەۋرىتىنى ئوبدان يېپىشى ۋە ھېچكىمگە كۆرسەتمەسلىكى لازىم. ھاممامغا كىرگۈچى ھاممامنىڭ تەپتىدىن جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى ئەسلىگەي. دەرۋەقە، مۇئمىننىڭ پىكىرى ھەمىشە دۇنيا ئىشلىرىدا پەرۋاز قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ھاممامنىڭ تەپتىنى جەھەننەم ھارارىتىگە قىياس قىلىش ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ. مۇئمىنگە ھامان غالىپ كېلىدىغىنى يەنىلا . دە- ئاخىرەتنىڭ غېمىدۇر. دەرۋەقە قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ قارا، ئەگەر ھەشەمەتلىك بىر قورۇغا رەخت ساتقۇچى، ياغاچچى، بىناكار ۋە تۆشەكنىڭ قىممىتىنى- توقۇمىچى كىرەر بولسا، رەختچىنىڭ قورۇدىكى كۆرپە بۆزلەرنىڭ نەپىسلىكىگە، ياغاچچىنىڭ- ئويالۋاتقانلىقىنى، توقۇمىچىنىڭ رەخت پېشايۋانغا ۋە بىناكارنىڭ تاملارغا قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. شۇنىڭدەك- تورۇس مۇئمىن ئەگەر قاراڭغۇلۇقنى كۆرسە قەبرنىڭ زۇلمىتىنى، قورقۇنچلۇق ئاۋاز ئاڭلىسا سۇرنىڭ چېلىنىشىنى، نېئمەتنى كۆرسە جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىنى ۋە ئازابنى .كۆرسە جەھەننەم ئازابىنى ئەسلەيدۇ
كۈن ئولتۇرۇشقا يېقىن ۋە نامازشام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدا مۇنچىغا كىرىش. ياخشى كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ شەيتانلارنىڭ تارقىلىش ۋاقتىدۇر
قولنىڭ تىرناقلىرى، بۇرۇت، قولتۇق ۋە ئەۋرەتلەرنىڭ- ئىككىنچى تۈر: پۇت پات ئېلىنىدىغان، قىرقىپ، چۈشۈرۈلۈشى كېرەك- مويلىرى قاتارلىق پات- تۈك، بولغان كىرلەردۇر. (چاچ ۋە ساقلادىكى) ئاق تۈكلەرنى يۇلۇۋېتىش مەكرۇھ. بوياش مۇستەھەبتۇر
تاھارەتنىڭ قالغان مەرتىۋىلىرى «ھالاكەتكە تاشلىغۇچى قىلمىشلار» بىلەن !«ھالاكەتتىن قۇتقۇزىدىغان ئەمەللەر» بابىدا كەلگۈسى، ئىنشائاللاھ
نامازنىڭ پەزىلەتلىرى
ئىبادەتلەرنىڭ ئۇلۇغىدۇر. نامازنىڭ- ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكى، تائەت. پەزىلەتلىرى توغرىسىدا كۆپلىگەن مەشھۇر ھەدىسلەر بار
نامازنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەدەبلىرىدىن بىرى، نامازدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن. سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن ئەيمىنىپ تۇرۇشتۇر
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان پەرز نامازنى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنىڭ تەرتىپلىرى ۋە رۇكۇ - سەجدىلىرىنى جايىدا ئادا قىلسا، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىسىلا، نامىزى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كىچىك گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ. بۇ مېنىڭ زامانىمغىلا خاس ئەمەس، ھەر دەۋر مۇسۇلمانلىرىغا ئومۇمىيدۇر» دېگەنلىكىنى ۋە: «كىمكى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، نامىزىدا كۆڭلىدە ھېچنەرسە خىيال قىلمىسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازغا تۇرغاندا خۇشۇئ قىلغانلىقتىن ياغاچقا ئوخشاش تۇراتتى، ئۇ سەجدە قىلسا قۇشلار ئۇنىڭ دۈمبىسىنى تام تۆپىسى ئوخشايدۇ، دەپ قېلىپ قونۇشاتتى. ئۇ بىر كۈنى ھەتىمدە ناماز ئوقۇۋاتقاندا مانجاناقتىن ئېتىلغان بىر تاش كېلىپ، ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ بىر قىسمىنى يىرتىپ ئېلىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ نامىزىنى بۇزمىغان ئىدى.
مەيمۇن ئىبنى مىھران ئېيتىدۇ: «مەن مۇسلىم ئىبنى يەسارنىڭ نامازدا قىمىرلىغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم. بىر مەسجىدنىڭ بىر تەرىپى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بازاردىكىلەر ئالاقزادە بولۇپ كەتتى، ھالبۇكى ئۇ ئەسنادا مۇسلىم ئىبنى يەسار شۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ پاتپاراقچىلىققا پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىغان ئىدى».
زەينۇلئابىدىن ئەلى ئىبنى ھۇسەين — ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي — تاھارەت ئالغان چاغدا، رەڭگى سارغىيىپ كېتەتتى، ئۇنىڭغا:
— سەن تاھارەت ئالغاندا كۆرۈلىدىغان بۇ ھال نېمە؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ:
— مېنىڭ كىمنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى ئويلاۋاتقىنىمنى بىلەمسىلەر؟! — دېدى.
بىلگىنكى، نامازنىڭ رۇكنلىرى، ۋاجىبلىرى ۋە سۈننەتلىرى باردۇر. نامازنىڭ روھى بولسا نىيەت، ئىخلاس، ئاللاھ تائالادىن ئەيمىنىش ۋە قەلب ھۇزۇرىدۇر. ناماز زىكىرلەر، مۇناجاتلار ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھۇزۇرى قەلبسىز زىكىر ۋە مۇناجاتلاردىن مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ. چۈنكى، سۆز قەلبتىكى نەرسىلەرنى ئىپادىلىمىسە، ئۇ يالغاندۇر؛ شۇنىڭدەك ئىش-ھەرىكەتلەردىن بولغان مەقسەتمۇ ھاسىل بولمايدۇ، چۈنكى قىيامدا تۇرۇشتىن مەقسەت پەرمەنبەردارلىق، رۇكۇ ۋە سەجدىدىن مەقسەت ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش ۋە ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش بولغاچ، ھۇزۇرى قەلب بولمىسا ئوخشاشلا مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ. چۈنكى، ئىش-ھەرىكەت چىن مەقسەتتىن چەتنىگەن ھامان پۈچەك شەكىلدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر» «22ھەج-37» دېگەن ئايىتىدىنمۇ مەلۇمكى، ئاللاھقا يېتىدىغان نەرسە قەلبكە ھۆكۈمران بولغان سۈپەت بولۇپ، قەلب ئۇشبۇ سۈپەت بىلەنلا تەلەپ قىلىنغان بۇيرۇقلارغا بويسۇنىدۇ. شۇڭا، نامازنى چوقۇم ھۇزۇرى قەلب بىلەن ئوقۇش لازىم. نامازنىڭ بېشىدىكى قەلب ھۇزۇرى نامازنىڭ قالغان قىسمىدىمۇ ھۆكمىنى داۋام قىلدۇرىدۇ. شۇڭا ئارىدا ئۇشتۇمتۇت باسقان غەپلەتنى ئاللاھ ئۆز ئىنايىتى بىلەن كەچۈرىدۇ.
نامازنىڭ جانلىقلىقىنى تاكامۇللاشتۇرغۇچى يوشۇرۇن مەنالار
بۆلۈم: “نامازنىڭ جانلىقلىقىنى تاكامۇللاشتۇرغۇچى يوشۇرۇن مەنالار”بىرىنچىسى: بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قەلب ھۇزۇرى؛ بۇنىڭ مەنىسى «قەلبنى نامازغا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەردىن پارىغ قىلىش» دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭ يولى غەيرەت ۋە قەتئىي نىيەتكە كېلىشتۇر. چۈنكى، سەن بىر ئىشنى مۇھىم دەپ بىلگەن بولساڭ، قەلبىڭنىڭ ئۇ ئىش ئۈچۈن ھازىر بولۇشى زۆرۈردۇر. ئۇنداقتا قەلبنى ھازىر قىلىشنىڭ چارىسى پۈتۈن غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقنى پەقەت نامازغىلا قارىتىشتۇر. ئاخىرەتكە بولغان ئىماننىڭ ۋە دۇنيانى ئەرزىمەس كۆرۈشنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىغا قاراپ، غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقمۇ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولىدۇ. قەلبىڭنىڭ نامازغا ھازىر بولمىغانلىقىنى ھېس قىلساڭ، بىلگىنكى، بۇ ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن ئېرۇر. ئۇ ھالدا ئىماننى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقىن.
ئىككىنچىسى: نامازنى ھەر كەلىمىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئوقۇش؛ بۇ قەلب ھۇزۇرىنىڭ ئارقىسىدىنلا كېلىدۇ. چۈنكى، بەزىدە قەلب ئېغىزدىن چىققان نەرسىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەستىن لەۋز بىلەنلا ھازىر بولىدۇ. ئۇ ھالدا زېھىننى نامازدىن بۇرىغۇچى تۇيغۇلاردىن تازىلاپ، بۇ تۇيغۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى كېسىپ تاشلاپ، ئېيتىلغان سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە تىرىشىش كېرەك. چۈنكى نامازدىن بۇرىغۇچى تۇيغۇلارنىڭ سەۋەبلىرى كېسىلمىگۈچە ئىنسان زېھنى ئۇنى تاشلىمايدۇ.
زېھىننى بۇرىغۇچى سەۋەبلەر بەزىدە ئاشكارا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كۆز ۋە قۇلاقنى ئۆزىگە تارتقۇچى نەرسىلەردۇر؛ بەزىدە يوشۇرۇنمۇ بولىدۇ، يوشۇرۇن بولغىنى ناھايىتى قاتتىقتۇر. مەسىلەن، زېھنى دۇنيا ۋادىلىرىدا كەزگۈچى بىر كىشى تۇيغۇلىرىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ ۋە كۆزنى ئېتىۋېلىش ئۇنىڭغا ھېچ پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى، قەلبكە چۈشكەن نەرسىلەر ئۇنى مەشغۇل قىلىشقا يېتەرلىكتۇر.
ئەگەر زېھىننى بۇرىغۇچى نەرسىلەر ئاشكارا نەرسىلەر بولسا، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى: قۇلاق ۋە كۆزنى جەلپ قىلىدىغان نەرسىنى يوقىتىشتۇر. يەنى قىبلىگە يۈزلىنىش، سەجدىگاھقا قاراش، ناماز ئوقۇغاندا نەقىشلىك ئورۇنلاردىن ساقلىنىش ۋە زېھىننى بۇرايدىغان نەرسىلەرنى نېرى قىلىش. بۇنىڭ دەلىلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يوللۇق بىر قارا توندا ناماز ئوقۇپ، نامىزىدا ئۇ كىيىمنىڭ يوللىرىغا قاراپ قالدى. نامازنى ئوقۇپ بولغاندا: «بۇ توننى ئەبى جەھمىگە ئاپىرىپ بېرىپ، ئورنىغا ئۇنىڭ ئەنبىجانچە سىدام تونىدىن بىرنى ئەكىلىپ بېرىڭلار، بۇ يوللۇق تون بايا نامازدا دىققىتىمنى چېچىۋەتتى» دېگەنىدى.
زېھىننى بۇرىغۇچى يوشۇرۇن نەرسىلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى: زېھىننى نامازدا ئوقۇغان ئايەت ۋە زىكىرلەرگە مەجبۇرىي مەركەزلەشتۈرۈش؛ زېھىننى شۇلار بىلەنلا مەشغۇل قىلىپ باشقا خىيالدىن چەكلەش؛ نامازنى باشلاشتىن بۇرۇن زېھىننى مەشغۇل قىلغۇچى ئىشلارنى ئادا قىلىپ تۈگىتىش ۋە قەلبىنى پارىغ قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق تەييارلىق قىلىش شۇنداقلا ئاخىرەتنى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇش تۇيغۇسىنى ۋە سەكرات قورقۇنچىنى قايتا-قايتا ئەسلەشتۇر. ئەگەر تۇيغۇلار بۇنىڭ بىلەنمۇ بېسىقمىسا، بىلگىنكى، ئۇ مۇھىم ۋە ئۆزى ئىشتىياق قىلغان نەرسىلەرنى ئويلىغان بولىدۇ. كىشى شۇ ئىشتىياق قىلغان نەرسىلەرنى تاشلىشى ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشى كېرەك.
شۇنى بىلگىنكى، كېسەل يېپىشقاندا ئۇنىڭغا پەقەت كۈچلۈك دورىلا تاقابىل تۇرالايدۇ. كېسەل كۈچەيسە، نامازخان بىلەن قېرىشىشقا باشلايدۇ، نامازخانمۇ ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىدۇ، شۇ قېرىشىش نەتىجىسىدە ناماز ئادا بولىدۇ. بۇ خۇددى پىكرىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ، كىشى شۇ نىيەتتە دەرەخ ئاستىدا ئولتۇرغاندا قۇشقاچلارنىڭ چۇڭۇلداشلىرى ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ، ئۇ قولىغا بىر تال چىۋىق ئېلىپ قۇشقاچلارنى ئۇچۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭ پىكرى ئەمدى مۇقىملىشىپ، زېھنىنى تولۇق يىغقان چاغدا، قۇشقاچلار يەنە كېلىپ سايرىشىپ ئۇنىڭ زېھنىنى يەنە مەشغۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «بۇ ئاۋازلار ئۈزۈلمەيدۇ، ئەگەر ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولساڭ، دەرەخنى كېسىپ تاشلا» دېيىلىدۇ. دېمەك، شەھۋەت دەرىخىمۇ بەئەينى مۇشۇنداق بولۇپ، ئېگىز ئۆسۈپ، شاخ-شۇمبىلار راسا بۆك-باراقسانلاشقاندا، خۇددى قۇشقاچلار دەرەخلەرگە، چىۋىنلەر نىجاسەتكە ئولاشقىنىدەك، پىكىرلەرمۇ شەھۋەت دەرىخىگە كېلىپ قونىدۇ (يەنى ئىنساننىڭ ئوي-خىيالىنى چۇلغىۋالىدۇ). چىقىپ كەتمەيدىغان بىر نەرسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىممەتلىك ئۆمۈر ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ پىكىرلەرنى جەلپ قىلغۇچى شەھۋەتنىڭ سەۋەبى دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتۇر.
ئامىر ئىبنى ئابدۇقەيس — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — تىن سوراشتى:
— ناماز ئۈستىدە سېنىڭىمۇ خىيالىڭنى بىرەر دۇنيا ئىشى چىرمىۋالامدۇ؟
ئۇ:
— ھەر تەرەپ – ھەر تەرەپتىن كەلگەن نەيزىلەرنىڭ ماڭا تىقىلىشى مەن ئۈچۈن نامازدا دۇنيا ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشنى خىيال قىلىشتىن سۆيۈملۈكراقتۇر — دەپ جاۋاب بەردى.
بىلگىنكى، دۇنيا سۆيگۈسىنى قەلبتىن توسۇش تەس، پۈتۈنلەي يۇلۇپ تاشلاش بەسى مۈشكۈلدۇر. شۇڭا، مۇمكىنقەدەرىنى يوقىتىشقا تىرىشىش كېرەك. ئۇتۇق ۋە ياردەم ئاللاھتىندۇر.
ئۈچىنچىسى: ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ئەيمىنىش
- بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇق ۋە بۈيۈكلۈكىنى بىلىش ھەمدە ئۆزىنىڭ خار زەبۇن ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ھازىر بىر قۇل ئىكەنلىكىنى بىلىش ئارقىلىق پەيدا. بولىدۇ بۇ ئىككى بىلىشتىن ئىتائەت ۋە ھۆرمەت (خۇشۇئ) كېلىپ چىقىدۇ.
نامازنىڭ جانلىقلىقىنى كامالەتكە يەتكۈزىدىغان نەرسىلەردىن يەنە بىرى ئۆتۈنچ / ئۈمىدتۇر. بۇ قورقۇشقا يانداش بىر تۇيغۇدۇر. نۇرغۇن ھۆكۈمدارلار قۇدرىتىدىن ھېيقىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ياخشىلىقمۇ كۈتۈپ- باركى، كۈچ. بولمايدۇ
،ھالبۇكى، نامازخان سەھۋەنلىكى تۈپەيلى جازا ۋە ئازابتىن قورققىنىدەك. ئوقۇغان نامىزى بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلغۇچىدۇر. نامازخان يەنە نامازنىڭ ھەربىر ئەمەلىدە ھۇزۇرى قەلب بىلەن تۇرۇشى كېرەك يەنى ئەزاننى ئاڭلىسا، خۇددى مەھشەرگاھقا چاقىرىلغاندەك ئويلىغاي ۋە مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىشقا تەييارلانغاي. نىداغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ۋە قايسى بەدەن بىلەن ھازىر بولىدىغانلىقىغا قارىغاي. ئەۋرىتىنى ياپسا، مەقسەتنىڭ تاشقى بەدەننىڭ ئەيىبىنى مەخلۇقاتتىن يېپىش ئىكەنلىكىنى بىلگەي ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان يوشۇرۇن، ئىچكى ئەيىبلىرىنى ئەسلىگەي. ئۇ ئەيىبلەرنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ياپقۇچى يوقتۇر. پۇشايمان، ھايا ۋە ئاللاھ تائالادىن. قورقۇش ئۇ ئەيىبلەرنى يوققا چىقىرىدۇ
كىشى قىبلەگە يۈزلەنگەندە، يۈزىنى باشقا تەرەپلەردىن ئاللاھنىڭ ئۆيى .تەرەپكە بۇرىغان بولىدۇ. قەلبىنى ئاللاھ تائالاغا بۇراش بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمدۇر خۇددى بەيتۇللاھ تەرەپكە يۈزنى باشقا تەرەپلەردىن قايتۇرۇش بىلەنلا يۈزلىنىلگەندەك، قەلبمۇ باشقا ھەرقانداق تاماندىن قايتۇرۇش بىلەنلا ئاللاھ. تائالاغا يۈزلىنىدۇ ئەي نامازخان! تەكبىر ئېيتقىنىڭدا، قەلبىڭ تىلىڭنى يالغانچى قىلمىسۇن چۈنكى، «ئاللاھۇ ئەكبەر» (ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ تۇرۇپ. قەلبىڭدە ئاللاھتىنمۇ بۈيۈك بىر نەرسە بولسا، سەن يالغان ئېيتقان بولىسەن ھەۋىسىڭنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن- شۇنىڭچۈن، ئۆز ھاۋايى ھەۋەسلىرىڭنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە- ساقلانغىن. بۇنىڭ ئاساسى ئۆز ھاۋايى !ماسلاشتۇرۇشۇڭدۇر.
بىلگىنكى، ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ، شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەش ئاللاھ تائالاغا بىر ئىلتىجادۇر. شۇڭا، چىن قەلبىڭ بىلەن ئىلتىجا قىلمىساڭ، ئېيتقان «ئالەملەرنىڭ !سۆزۈڭ بىھۇدەدۇر. تىلاۋەت ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگىن دېگەن ۋاقتىڭدا قەلبىڭ بىلەن»پەرۋەردىگارى ئاللاھقا مەدھىيەلەر بولسۇن دېگەن ۋاقتىڭدا ئاللاھنىڭ»«ئاللاھ شەپقەتلىكتۇر ۋە مېھرىباندۇر چۈشەنگىن؛ دېگەن ۋاقتىڭدا »«ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر شەپقىتى زېھنىڭگە كەلگەي؛ ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقىنى يادىڭغا كەلتۈر. پۈتۈن تىلاۋەتلىرىڭدە بۇنىڭغا رىئايە !قىلغىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، زۇرارە ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازدا: «سۇر چېلىنغان ۋاقىت — ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر» «74مۇددەسسىر-8» دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋېتىپ، ئايەتنىڭ تەسىرىدىن يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپ جان بەرگەن. بۇنىڭ سەۋەبى، شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئاشۇ سۇر چېلىنغاندىكى ھالەتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قاتتىق سۈر بېسىپ كەتكەنلىكىدىندۇر. رۇكۇ ئەسناسىدا كەمتەرىن بول، سەجدە ئەسناسىدا نەقەدەر تۆۋەن ۋە ئاجىزلىقىڭنى ھېس قىلغىن! چۈنكى، سەن نەپسنى ئۆز ئورنىغا قويدۇڭ ۋە ئۆزۈڭ. يارىتىلغان تۇپراققا سەجدە قىلىش بىلەن سايىنى ئەسىلگە قايتۇردۇڭ !زىكىرلەرنىڭ مەنىسىنى زەۋق بىلەن چۈشەن
-بىلگىنكى، نامازنى ئۇشبۇ يوشۇرۇن شەرتلەر بىلەن ئادا قىلىش قەلبنى كىر داشقلالاردىن پاكلاشنىڭ، مەئبۇدنىڭ ھەقىقىي بۈيۈكلۈكى نامايان بولغۇسى .نۇرلارغا ئېرىشىشنىڭ ۋە ئول زاتنىڭ سىرلىرىدىن ۋاقىپ بولۇشنىڭ بائىسىدۇر بۇلارنى پەقەت ئىلىم ئىگىلىرىلا چۈشىنەلەيدۇ. ئەمما، نامازنى پەقەت شەكلەن، ئادا قىلىپ، چىن مەناسىغا بىئېتىبار بولغان كىشى ئۇشبۇ سىرلارغا يېتەلمەيدۇ .ھەتتا ئىلاھىي سىرلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىدۇ
جۈمە نامىزى ۋە جۈمە كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك ئەدەبلەر
بۇلار ئون بەش تۈرلۈكتۇر:
-
پەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن ۋە جۈمە (گە ئۆتكەن) كېچىدىن باشلاپ تازىلىق قىلىش، كىيىم-كېچەكلەرنى يۇيۇش ۋە جۈمە كۈنىگە لايىق نەرسىلەرنى تەييارلاش بىلەن ھازىرلىنىش؛
-
جۈمە كۈنى غۇسۇل قىلىش؛ بۇ بارىدا «سەھىھەين» ۋە باشقا كىتابلاردا ھەدىسلەر كەلگەن. جۈمە نامىزىغا بېرىشنىڭ ئالدىدا يۇيۇنۇش ئەۋزەلدۇر؛
-
يۇيۇنۇش، ئېغىزنى مىسۋاكلاش، تىرناقلارنى ئېلىش ۋە ۋاقتى كەلگەن شەخسىي تازىلىقلارنى قىلىش بىلەن بىرگە خۇشپۇراق ئىشلىتىش ۋە ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ ياسىنىش؛
-
جۈمە نامىزىغا بالدۇر ۋە پىيادە بېرىش؛ مەسجىدكە ماڭغاندا جىم ۋە سالماق قەدەم بىلەن مېڭىش، مەسجىدتىن قايتىپ چىققۇچە ئىبادەت قىلىشنى نىيەت قىلىش كېرەك؛
-
(مەسجىدكە بارغاندىن كېيىن) كىشىلەرنى ئاتلاپ ئۆتمەسلىك ۋە ئارىلىرىنى يىرماسلىق. سەپ ئارىلىقىدا بوشلۇق كۆرمىگۈچە ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىغا قىسىلىۋالماسلىق؛
-
ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەسلىك؛
-
بىرىنچى سەپنى كۆزلەش؛ لېكىن، ئالدى سەپتە يارىماس ئەھۋال ياكى سۆزلەرگە تانۇق بولۇش ئېھتىمالى بولسا، كېيىنكى سەپتە تۇرۇش ياخشى؛
-
ئىمام خۇتبەگە چىققاندا، نەپلە ناماز ۋە زىكىر ئېيتىشتىن توختاش. ئەزان توۋلانسا مۇئەززىنگە ئەگىشىپ تەكرارلاش. خۇتبە باشلانسا جىم ئولتۇرۇش ۋە زەن قويۇپ ئاڭلاش؛
-
جۈمە نامىزىدىن كېيىن خاھلىسا ئىككى رەكئەت، خاھلىسا تۆت ۋەياكى ئالتە رەكئەت ناماز ئوقۇش؛
-
مەسجىدتە ئەسىرگىچە ئولتۇرۇش؛ شامغىچە ئولتۇرۇش تېخىمۇ ئەۋزەل؛
-
ھۇزۇرى قەلب ۋە داۋاملىق زىكىر ئېيتىش ئارقىلىق جۈمە كۈنىدىكى دۇئا مۇستەجاب سائەتنى ئىزدەش؛
بۇ سائەت ھەققىدە بەزى ئىختىلاپلار بار. ئىمام مۇسلىم ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بۇ ۋاقىتنىڭ «ئىمام مۇنبەردە ئولتۇرغاندىن. باشلاپ ناماز ئادا قىلىنىپ بولغۇچىلىك ئارىلىقتىكى ۋاقىت» ئىكەنلىكى كەلگەن، باشقا بىر ھەدىستە بۇ ۋاقىتنىڭ ئىمام خۇتبىدىن پارىغ بولغاندىن تارتىپ. ناماز ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، بۇ ۋاقىتنىڭ شام. نامىزىدىن بۇرۇنقى بىر چاغ ئىكەنلىكى كەلگەن
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بولسا: «ئۇ سائەتنى »ئەسىر نامىزى بىلەن قۇياشنىڭ پېتىشى ئارىسىدىكى ۋاقىتتا ئىزدەڭلار. دېيىلگەن
ئەبۇبەكرى ئەسرەم — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇر: «بۇ ھەدىسلەر ئىككى ھالەتتىن خالىي ئەمەستۇر: يا بۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن سەھىھراق ياكى بۇ سائەتمۇ خۇددى قەدر كېچىسى رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىگە يوشۇرۇنغاندەك ۋاقىتلار ئىچىگە يوشۇرۇنغاندۇر».
- جۈمە كۈنىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كۆپلەپ دۇرۇد12 ئوقۇش؛ چۈنكى، ئۇ زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى ماڭا جۈمە يىللىق گۇناھىنى80 قېتىم دۇرۇد ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ80 كۈنىدە . كەچۈرىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ
ئەگەر كىشى خاھلىسا، ئېيتقان دۇرۇدقا دۇئا قوشسۇن. مەسىلەن، مۇنداق، دۇئا قىلسا بولىدۇ: «ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ‹ۋەسىيلە› ناملىق مەرتىۋىنى پەزىلەتنى ۋە يۈكسەك دەرىجىنى ئاتا قىلغىن، ئۇنى سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان )مەدھىيەگە لايىق ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت قىلىش مەرتىۋىسىگە ئى ئاللاھ! پەيغەمبرىمىزنى بىز سەۋەبلىك لايىق بولغان نەرسە»!يەتكۈزگىن !بىلەن تارتۇقلىغىن
دۇرۇتقا ئىستىغپارنى قوشسۇن، چۈنكى بۇ كۈندە ئىستىغپار ئېيتىش
مەسىلەن، ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتسە، ئورنىدىن تۇرۇپ: ‹ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىڭلار، بىرىنچى سۇر چېلىنىدىغان ۋاقىت يېقىنلاپ قالدى. ئۇنىڭغا :ئىككىنچى سۇر ئەگىشىدۇ، ئۆلۈم دەھشەت بىلەن كېلىدۇ› دەيتتى. مەن
— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن سىلىگە كۆپ دۇرۇد ئېيتاي دەيمەن، دۇئايىمنىڭ قانچىلىكىنى سىلىگە دۇرۇد ئېيتىشقا قاراتسام بولار؟ — دېگەنىدىم، ئاللاھنىڭ رەسۇلى: — ئىختىيارىڭ — دېدى. مەن: — تۆتتىن بىرىنى قىلايمۇ؟ — دېسەم، ئاللاھنىڭ رەسۇلى: — ئىختىيارىڭ — دېدى. مەن: — يېرىمىنى قىلايمۇ؟ — دېسەم، ئاللاھنىڭ رەسۇلى: — ئىختىيارىڭ — دېدى. مەن: — ئۈچتىن ئىككىسىنى قىلايمۇ؟ — دېسەم، ئاللاھنىڭ رەسۇلى: — ئىختىيارىڭ، قانچە كۆپ قىلساڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن شۇنچە ياخشى — دېدى. مەن: — بارلىق دۇئالىرىمنى سىلىگە دۇرۇد ئوقۇشقا قاراتسامچۇ؟ — دېدىم. ئاللاھنىڭ رەسۇلى: — ئۇ چاغدا غەم - قايغۇڭنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە كۇپايە قىلىدۇ، گۇناھلىرىڭ مەغپىرەت قىلىنىدۇ — دېدى.
مۇستەھەبتۇر.
- «كەھف» سۈرىسىنى ئوقۇش؛ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىدۇ:
سىلەرگە بۈيۈكلۈكى ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىنى تولدۇرىدىغان بىر سۈرىنى خەۋەر قىلايمۇ؟ ئۇ سۈرىنى يازغۇچىغىمۇ شۇنىڭدەك ساۋاب بولىدۇ. كىمكى ئۇ سۈرىنى جۈمە كۈنىدە ئوقۇسا، شۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ئارىسىدىكى گۇناھلىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ئۈچ كۈنلۈك گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. كىمكى يېتىشتىن بۇرۇن ئۇ سۈرىنىڭ ئاخىرىدىن بەش ئايەت ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا :كېچىنىڭ بىر قىسمىدا تىلىگىنىنى بېرىدۇ، دېگەنىدى، ساھابەلەر
ماقۇل، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى :ۋەسەللەم
. ئۇ «كەھف» سۈرىسىدۇر، دېدى
باشقا بىر ھەدىستە: «كىمكى ‹كەھف› سۈرىسىنى جۈمە كۈندۈزى ياكى (پەيشەنبىدىن) جۈمە(گە ئۆتكەن) كېچىسى ئوقۇسا پىتنىدىن ساقلىنىدۇ» دېگەن.
جۈمە كۈنى قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. مۇمكىن بولسا، جۈمە .كۈندۈزى ياكى جۈمە كېچىسى قۇرئاننى تامام قىلىش مۇستەھەبتۇر
- قولىدىن كېلىشىچە جۈمە كۈنى سەدىقە قىلىش؛ سەدىقە مەسجىدنىڭ سىرتىدا بېرىلسە ياخشى. جۈمە كۈنىدە تەسبىھ نامىزى ئوقۇشمۇ مۇستەھەبتۇر.
تەسبىھ نامىزى (صلاة التسبيح): 300 تەسبىھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت رەكئەتلىك نەپلە ناماز بولۇپ، ھەربىر رەكئەتتە قىرائەتتىن كېيىن 15 قېتىم، رۇكۇدا تەسبىھتىن كېيىن 10 قېتىم «سۇبھانەللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» ۋە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەسبىھ ئېيتىلىدۇ.
جۈمە كۈنى ئۆزىنى ئاخىرەت ئەمەللىرىگە ئاتاش ۋە بارلىق دۇنيا15 .مەشغۇلاتلىرىنى تەرك ئېتىش مۇستەھەبتۇر
نەپلە نامازلار
بىلگىنكى، پەرز نامازلاردىن سىرت قوشۇمچە / نەپلە نامازلار ئۈچ تۈرلۈكتۇر:
سۈننەتلەر، مۇستەھەبلەر ۋە تەتاۋۋۇئلار (ئىختىيارىي ئەمەللەر).
سۈننەت نامازلار: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم داۋاملىق ئۆتىگەن نەپلە نامازلار بولۇپ، بۇلار پەرز نامازلاردىن سىرت داۋاملىق ئوقۇلىدىغان. تەكىتلەنگەن سۈننەت نامازلار، ۋىتر ۋە چاشگاھ نامىزىغا ئوخشاش نامازلاردۇر
مۇستەھەب نامازلار: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن پەزىلىتى بىلدۈرۈلگەن، لېكىن داۋاملىق ئۆتىگەنلىكى نەقىل قىلىنمىغان نامازلار بولۇپ، بۇلار ئۆيگە كىرگەندە ۋە ئۆيدىن چىققاندا ئوقۇلىدىغان نامازغا ئوخشاش. نامازلاردۇر
تەتاۋۋۇئلار: يۇقىرىقىلارنىڭ سىرتىدىكى نامازلار بولۇپ، ئۇلار ھېچقانداق رىۋايەتتە كەلمىگەن، لېكىن بىر بەندە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆتەيدىغان. نامازلاردۇر
:»بۇ ئۈچ تۈرلۈك ناماز «نەپلە نامازلار» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، «نەفل / نەپلە ،ئارتۇق، زىيادە دېگەنلىك بولۇپ، بۇ نەپلە نامازلار پەرز نامازلارغا قوشۇمچە .يەنى ئارتۇق نامازلاردۇر
بىلگىنكى، بەدەن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ئەڭ، ئەۋزىلى نامازدۇر. نەپلە ئەمەللەرنىڭ قىسىملىرى ۋە پەزىلەتلىرى مەشھۇر بولۇپ بۇلار فىقھىي ئەسەرلەر ۋە باشقا كىتابلاردا بايان قىلىنغاندۇر. بىز بۇ يەردە «تەسبىھ نامىزى»نىلا بايان قىلغايمىز. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نامازنىڭ. قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ
ئىكرىمە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (تاغىسى) ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبكە مۇنداق :دې. ئەبۇبەكرى ئەلئەجۇررىي: «بۇنداق ناماز يوق» دەپ قارىغان. — ت.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسى ئابباسقا: «ئى تاغا! ئەگەر بەجا كەلتۈرسەڭ ئاللاھ تائالا سېنىڭ بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى كونا ۋە يېڭى، سەھۋەن ۋە قەستەن، كىچىك ۋە چوڭ، مەخپىي ۋە ئاشكارا گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىدىغان بىر ئىشنى ساڭا ئۆگىتىپ قويۇشۇمنى خاھلامسەن؟ خاھلىساڭ، تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇغىن. ھەر رەكئەت نامازدا ،‹فاتىھە›گە بىر سۈرە قوشۇپ ئوقۇغىن. بىرىنچى رەكئەتنىڭ قىرائىتىدىن كېيىن لا‹ ،›ئەلھەمدۇلىللاھ‹ ،›سۇبھانەللاھ‹ :ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئون بەش قېتىم نۇقساندىن- ئاللاھۇ ئەكبەر› (ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىب‹ ئىلاھە ئىللەللاھ› ۋە پاكتۇر، پۈتۈن ھەمدۇسانلار ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر) دېگىن، ئاندىن رۇكۇغا بار، رۇكۇدا يەنە ئون قېتىم. شۇنداق دېگىن، ئاندىن رۇكۇدىن تۇرۇپ، يەنە ئون قېتىم شۇنداق دېگىن ئاندىن سەجدە قىل ۋە سەجدىدە يەنە ئون قېتىم دە. سەجدىدىن بېشىڭنى .كۆتۈرۈپ، يەنە ئون قېتىم دە. ئاندىن سەجدە قىلىپ، يەنە ئون قېتىم دە .سەجدىدىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قىيامغا تۇرۇشتىن بۇرۇن يەنە ئون قېتىم دېگىن شۇنداق قىلىپ، بىر رەكئەتتە يەتمىش بەش قېتىم دېگىن. قالغان رەكئەتلەرنىمۇ مۇشۇنداق ئوقۇغىن. ئەگەر بۇ نامازنى ھەر كۈنى بىر قېتىم ئوقۇش ئىمكانىيىتىڭ بولسا ئوقۇغىن، ئۇنىڭغا ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا، ھەر جۈمە كۈنى بىر قېتىم ئوقۇغىن. ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا ئايدا بىر قېتىم ئوقۇغىن. ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا، يىلدا بىر قېتىم ئوقۇغىن. ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا »!پۈتۈن ئۆمرۈڭدە بىر قېتىم بولسىمۇ ئوقۇغىن
ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلار
چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا تەسبىھ نامىزىغا ئوخشاش سەۋەبى يوق تەتاۋۋۇئ نامازلار ئوقۇلمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق نامازلار مەلۇم سەۋەبى بولمىغان ئاجىز ئەمەللەردىن بولۇپ، ناماز ئوقۇش تەكىت بىلەن چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا بۇنىڭدەك ئاساسى ئاجىز نامازلار كۈچلۈك چەكلىمە ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئەمما، ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى، كۈن / ئاي تۇتۇلۇش نامىزى ۋە سۇ تىلەش نامىزىغا ئوخشاش سەۋەبلىك نامازلارنى ئوقۇش ياكى .ئوقۇماسلىق ھەققىدە ئىككى خىل رىۋايەت بار
بىلگىنكى، قۇياش چىقىۋاتقان / تىكلەنگەن / پېتىۋاتقان ئۈچ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشنىڭ چەكلىنىشىنىڭ ئۈچ سەۋەبى باردۇر:
-
قۇياشقا ئىبادەت قىلغانلارغا ئوخشاپ قالماسلىق؛
-
شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىگە سەجدە قىلىشتىن ساقلىنىش؛
،چۈنكى، شەيتاننىڭ مۈڭگۈزى قۇياش چىققاندا ئۇنىڭغا ئېسىلىشىپ چىقىدۇ قۇياش كۆتۈرۈلگەندە ئاجرايدۇ. تىكلەنگەندە يەنە كېلىدۇ، كۈن قايرىلغاندا يەنە .كېتىدۇ. كۈن پېتىشقا يېقىن شەيتان يەنە كېلىدۇ ۋە پاتقاندا كېتىدۇ
- شەكسىزكى، ئاخىرەت يولۇچىلىرى داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچىلاردۇر; ھالبۇكى، بىرخىل رېتىم بىزارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چەكلىمە ئالدىدا تېتىكلىك باشقىچە ئارتىدۇ. ھەقىقەتەن نەپس چەكلەنگەن نەرسىنى قىلىشقا ھېرىسمەندۇر. ئىنسان يۇقىرىقى ئۈچ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشتىن چەكلەنگەن، لېكىن ھەرخىل ھالەتلەردە ئىبادەت قىلسۇن ئۈچۈن بۇ ۋاقىتلاردا قىرائەت قىلىش ۋە ،تەسبىھ ئېيتىشقا ئوخشاش ئىبادەتلەر چەكلەنمىگەن. دەرۋەقە نامازدىمۇ قىيام رۇكۇ، سەجدە ۋە تەشەھھۇد قاتارلىق تۈرلۈك ھالەتلەر باردۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ. ياخشى بىلگۈچىدۇر
ئىزاھاتلار:
- «سەھىھ» سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان8/1 ،»ئىمام شافىئىي («ئەلئۇم
- «ساددا كىيىنىش ۋە ھەشەمەتچىلىكتىن ساقلىنىش» دېمەكتۇر. ئەبۇ
- : «ئاددىيُاَبْلَلََذَاَذَُة( بەزازە ) لەر ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان4118( ) ۋە ئىبنى ماجە4161( داۋۇد»
- سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بەزازە ئىماندىندۇر» دېگەن
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (159)؛ مۇسلىم (226).
- مۇسلىم (228).
- ت. ھەتىيم / ھىجر (الحطيم / الحجر): كەئبەنىڭ نورى ئاستىغا توغرا كېلىدىغان، ئىككى ئۇچى كەئبە تېمىغا تۇتاشمايدىغان قورۇق (پاكار تام) بىلەن چۆرىدەلگەن يېرىم چەمبەر شەكىللىك بوش يەرنىڭ نامى. بۇ يەر كەئبەنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، تاۋاپ قىلغاندا ئۇنىڭ سىرتىدىن ئايلىنىش كېرەك. «ئۇ يەردە گۇناھلار پاچاقلىنىپ كېتىدۇ» دەپ قارىلىپ شۇنداق ئاتالغان. بۇ يەر كەئبەنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىم تۇتۇلغانلىقتىن يەنە ھىجر (الحجر) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا / فۇئات گۈنەل: «شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى» (معجم مصطلحات العلوم الشرعية)، 694-بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە)، 17/455 – 456، ئىستانبۇل، م. 2017.
- بۇ ۋەقە ئۇمەۋىي خەلىفەسى يەزىد قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ھ. 64، 26-مۇھەررەم — 1-رەبىيۇلئاخىر (م. 683-يىلى 24.09 — 27.11) غىچە 64 كۈن داۋاملاشقان مەككە قورشاۋى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد» (1102). — ت.
- ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد» (1082).
- ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد» (1978).
- ت. ئەنبىجانچە تون (الْأَنْبِجَانِيَّةُ): بۈگۈنكى سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، تەخمىنەن بۈگۈنكى «مۇنبىج» تەرەپلەردىن چىقىدىغان بىر تۈرلۈك سىدام يۇڭ ئېگىن. بۇ رايوندا توقۇلغان ئېگىن-لىباسلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىنەتتى. «‹ئەنبىجان› دېگەن جايدىن كەلتۈرۈلىدىغان يۇڭ تون» دېگەنلەرمۇ بار. قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 2/320؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/93.
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (373)؛ مۇسلىم (556). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
- ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد» (1225).
- 1225( ،»ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد
- 1369( ،ئىمام ئەھمەد: يۇقىرىقى مەنبە
- بۇخارىي (844) ۋە مۇسلىم (846) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىرىڭلار جۈمەگە بارماقچى بولسا يۇيۇنسۇن» دېگەن. يەنە بۇخارىي (858) ۋە مۇسلىم (846) ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھنىڭ: «جۈمە كۈنى غۇسۇل قىلىش بالاغەتكە يەتكەن ھەربىر ئادەمگە ۋاجىبتۇر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ داۋۇد (341)، نەسائىي (1377) ۋە ئىبنى ماجە (1089) قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەتلەرنى كەلتۈرگەن.
- مۇسلىم (853). دارەقۇتنىي قاتارلىقلار: «بۇ ھەدىس مەۋقۇف ۋە مەرفۇئ رىۋايەت قىلىنغان، مەۋقۇف رىۋايەت سەھىھرەك» دېگەن. ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىقلار: «مەرفۇئ ۋە سەھىھ» دېگەن.
- تىرمىزىي (490)؛ ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
- ئەبۇ داۋۇد (1048)؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
- تىرمىزىي (489)؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
- ««ھەسەن، سەھىھ» دېگەن2457( دېدى». تىرمىزىي—
- 614( بۇخارىي
- ئىبنى مەردەۋىيە ۋە دەيلەمىي رىۋايىتى؛ ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 2160، «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 2482): «بەك زەئىف» دېگەن.
- مۇسلىم (809). ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى سۈرە ‹كەھف›نىڭ بېشىدىن ئون ئايەت يادلىسا، دەججالدىن ساقلىنىدۇ» دېگەن.
- ھاكىم (3392): «كىمكى سۈرە ‹كەھف›نى جۈمە كۈنىدە ئوقۇسا، ئۇنىڭغا ئىككى جۈمە ئارىلىقىدا نۇر يورۇتۇپ بېرىلىدۇ» دېيىلگەن.
- ئوقۇلىدۇ. بۇ ھەقتە ھەدىس بولسىمۇ، سەھىھلىكىدە قاراش ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزىلەر
ئۈچىنچى بۆلۈم: زاكات
بۆلۈم: “ئۈچىنچى بۆلۈم: زاكات”زاكاتنىڭ سىرلىرى ۋە ئۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەر
بۆلۈم: “زاكاتنىڭ سىرلىرى ۋە ئۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەر”زاكات ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا زاكاتنى ناماز بىلەن بىللە تىلغا ئېلىپ: «نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار…» دېگەن («2بەقەرە-43»، «2بەقەرە-83»، «2بەقەرە-110»؛ «4نىسائ-77»؛ «24نۇر-56»؛ «73مۇززەممىل-20»).
زاكاتنىڭ پەرز بولۇشى، سەۋەبلىرى، تۈرلىرى ۋە مەزمۇنى فىقھ كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىدە مەشھۇردۇر. بىز بۇ يەردە بەزى شەرت ۋە ئەدەبلەرنىلا :بايان قىلىمىز
زاكاتنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ۋە توغرىسى «بەلگىلەنگەن نەرسىنىڭ قىممىتىنى ئەمەس ئۆزىنى بېرىش» بولۇپ، «قىممىتىنى بەرسىمۇ بولىدۇ» دېگۈچىلەر پەقەت كەمبەغەلنىڭ ئىھتياجىنى قامداشنى كۆزدە تۇتقاندۇر. كەمبەغەلنىڭ ئېھتىياجىنى ،قامداش زاكاتنىڭ پۈتۈن غايىسى ئەمەس، بەلكى قىسمەن غايىسىدۇر. چۈنكى :شەرئىي ۋاجىب ئۈچ قىسىمدىن ئىبارەت
-
مەخسۇس ئىبادەت قىسمى بولۇپ، ھەجدە شەيتانغا تاش ئېتىش بۇنىڭ مىسالىدۇر. بۇنىڭدىكى شەرئىي مەقسەت بەندىنى ئۆز قۇللۇقىنى نامايەن قىلىشى ئۈچۈن شۇ ئەمەلنى قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق سىناشتۇر. ئەقىل ئۈچۈن بىر ئوچۇم تاشنىڭ ئۇ يەرگە ئېتىلىشى ھېچ مەنا ئىپادىلىمەيدۇ. ھالبۇكى، ئىنسان تەبىئىتى ئەقىلدىن ئۆتكەن نەرسىدە ئىككىلەنمەيدۇ ۋە ئۇنى قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئەقىلدىن ئۆتكەن نەرسىنى ئورۇنداش قۇلچىلىق ئىخلاسىنىڭ نامايەندىسى ئەمەستۇر. ئەسىل قۇللۇق ئەقىل تېگىگە يېتەلمىسىمۇ .ئورۇنداشتۇر
-
يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە، مەقسەت ئىبادەت ئەمەس، بەلكى مەقسەت قىزىقتۇرۇش ۋە رازىلىقتۇر. مەسىلەن، كىشىلەرنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىش، بۇلانغان ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى ئۆز ئىگىسگە قايتۇرۇش دېگەندەك. بۇ ئىشلاردا نىيەت ۋە ھەرىكەت مۇھىم ئەمەس، بەلكى ھەقدارغا ھەققى قانداقلا ھالەتتە يەتسە - مەقسەت ھاسىل بولىدۇ ۋە شەرئىي ھۆكۈم ئادا تاپىدۇ. بۇ ئىككى قىسىم بىر. بىرىگە زىت ئەمەس
-
شەرىئەت بۇيرۇغان، يۇقىرىقىلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولمىش ئەمەللەردۇر; يەنى بەندىنى شەيتانغا تاش ئېتىشقا بۇيرۇپ سىناش ۋە ھەقلەرنى ئىگىسگە .قايتۇرۇشقا قىزىقتۇرۇشتەك ھەر ئىككى خاراكتېردىكى ئەمەللەرنىڭ مۇجەسسەمىدۇر ، قۇللۇق غايىسىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك— بۇلاردىن ئەڭ نازۇكىنى، يەنى ئىبادەت ئەڭ مۇھىمىمۇ شۇ قۇللۇقتۇر. زاكات دەل قۇللۇقنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، گەرچە نامراتنىڭ نېسىۋىسى بىلەن موھتاجغا ھەمدەملىك مەقسەت قىلىنسىمۇ، نېگىزلىك مەقسەت شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە سۆزسىز بويسۇنۇشتۇر. بۇ نۇقتىدىن زاكات ناماز. ۋە ھەج بىلەن بىر قاتاردىدۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر
زاكاتنىڭ يوشۇرۇن ئەدەبلىرى ۋە ئىنچىكە تامانلىرى
بىلگىنكى، زاكات بېرىش ئارقىلىق ئاخىرەتنى كۆزلىگۈچىگە تۆۋەندىكى :ۋەزىپىلەر باردۇر
بىرىنچى ۋەزىپە: چۈشىنىپ تۇرۇپ زاكات بېرىش؛ بۇنى ئۈچ نۇقتىدىن چۈشىنىش: ئاللاھنى سۆيىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى چىقىرىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق سىنىلىشى، ئىنساننى ھالاك قىلغۇچى .بېخىللىق خۇيىدىن قۇتۇلۇش ۋە مال نېئمىتىگە شۈكۈر قىلىش
ئىككىنچى ۋەزىپە: رىيا ۋە ئاڭلىتىشتىن يىراق بولۇشى ئۈچۈن زاكاتنى يوشۇرۇن چىقىرىش؛ زاكاتنى ئاشكارا بېرىش نامراتقا مالامەت كەلتۈرۈشى مۇمكىن. كىشى ئەگەر «زاكات بەرمەيدۇ» دېگەن تۆھمەتكە قېلىشتىن قورقسا، زاكاتنى جامائەت، ئالدىدىمۇ ئاشكارا زاكات ئېلىۋېرىدىغان نامراتلارغا ئوچۇقچە بەرسە بولىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقىسىغا يوشۇرۇن بېرىدۇ
ئۈچىنچى ۋەزىپە: زاكاتنى «مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت بېرىش بىلەن» «2بەقەرە-264» بۇزۇۋەتمەسلىك؛ كىشى ئۆزىنى نامراتقا ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە مال بېرىپ ئېھسان قىلغۇچى دەپ قارىسا، مىننەت قىلىپ قېلىشى، ھەتتا نامراتقا ئەزىيەت بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر كىشى بەكرەك سىنچىلاپ قارىغىنىدا، نامراتنىڭ زاكات بەرگۈچىنى پاكلايدىغان ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، زاكات بەرگۈچى زاكىتىنى چىقىرىپ بېرىشىنىڭ مال نېئمىتىگە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى زېھنىگە كەلتۈرگەن ۋاقىتتا، نامرات بىلەن ئۆزى ئارىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت قالمايدۇ، نامراتنى نامراتلىقى سەۋەبلىك تۆۋەن كۆرمەيدۇ. چۈنكى، ئارتۇقچىلىقنىڭ ئۆلچىمى مال بولمىغىنىدەك. كەمچىلىكنىڭ ئۆلچىمىمۇ يوقسۇللۇق ئەمەستۇر
تۆتىنچى ۋەزىپە: بەرگەن نەرسىسىنى كىچىك بىلىش؛ چۈنكى، قىلغان ئىشىنى چوڭ بىلىش ئۆزىگە تەمەننا قويۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. دەپتۇرلەركى، ياخشىلىق شۇ ئۈچ نەرسە بىلەن تاماملانغاي: قىلغان ئىشىنى كىچىك ساناش، قىلىشقا ئالدىراش. ۋە يوشۇرۇن قىلىش
بەشىنچى ۋەزىپە: مېلىنىڭ ئەڭ ھالال، ئەڭ ئېسىل ۋە ئۆزىگە ئەڭ سۆيۈملۈك، بولغىنىنى تاللاپ بېرىش. ئەڭ ھالالى بېرىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا پاكتۇر پەقەت پاكنىلا قوبۇل قىلىدۇ. ئەڭ ئېسىلى بېرىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر)نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھ (بۇنداق سەدىقەڭلەردىن) بىھاجەتتۇر، ھەمدگە لايىقتۇر» «2بەقەرە-267».
مالنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى بېرىشتە، ئىككى نەرسىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك:
-
ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى كۆزدە تۇتۇش ۋە ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش; چۈنكى، ئاللاھ تائالا تاللاپ ياخشىسىنى بېرىشكە ئەڭ لايىق زاتتۇر. ئەگەر بىر كىشى مېھمانلىرى ئالدىغا ناچار تاماقلارنى قويسا، ئەلبەتتە مېھماننىڭ كۆڭلىنى .رەنجىتكەن بولىدۇ
-
ئۆزىنىڭ ھەققىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى، كىشىنىڭ بەرگەن ئۇ نەرسىسى تاڭلا قىيامەتتە ئۆز ئالدىغا قويۇلىدۇ. شۇڭا، ئۆز پايدىسى ئۈچۈن ئەڭ. ياخشىسنى تاللىشى كېرەك
ئۆزىگە ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنىنى بېرىشكە كەلسەك، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: «ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» «3ئال ئىمران-92».
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مېلىدىن ئەڭ ياخشىسىنى ئاللاھ تائالانىڭ . رىۋايەت قىلىنىشىچە: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رازىلىقى ئۈچۈن نەپىقە قىلاتتى، دېگەن جايغا چۈشتى. ئاندىن: «كۆڭلۈم بېلىقئەنھۇما ئاغرىق ھالەتتە جۇھفە ،تارتىۋاتىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن بېلىق ئىزدەپ پەقەت بىر تالال بېلىق تاپالىدى. ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئايالى ئۇنى ئېلىپ، پىشۇرۇپ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا قويدى. شۇ ئەسنادا بىر مىسكىن كېلىپ قالدى، شۇنىڭ :بىلەن ئىبنى ئۆمەر مىسكىنگە: «قېنى بېلىقتىن ئال» دېگەنىدى، رەپىقىسى
ئەزبىرايى، مەن ئۇنى بىزگە تەييارلىغانىدىم، ئۇنىڭغا بەرگۈدەك باشقا— : دېدى، ئىبنى ئۆمەر— !ئوزۇقىمىز بار ئىدىغۇ؟
دېدى — ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ (بۇ) قۇلىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى—
يەنە رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر تىلەمچى رەبىئ ئىبنى خۇسەيمنىڭ ئىشىكىنىڭ :ئالدىدا توختىدى، رەبىئ ئىبنى خۇسەيم
— ئۇنىڭغا شېكەر يېگۈزۈڭلار، — دېگەنىدى، كىشىلەر:
دېدى — مەنپەئەتلىكرەك بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نان يېگۈزەيلى—
ئىسىت سىلەرگە، ئۇنىڭغا شېكەر يېگۈزۈڭلار! مەن شېكەرنى ياخشى— .كۆرىمەن
ئالتىنچى ۋەزىپە: زاكات بېرىش ئۈچۈن ساۋابىنى كۆپەيتىدىغان كىشىلەرنى ،ئىزدەش. ئۇلار تاللانغان سەككىز تۈرلۈك كىشى ئىچىدىكى خاس كىشىلەر بولۇپ :ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى
- تەقۋادارلار؛ يەنى زاكىتىنى مەخسۇس تەقۋادار كىشىلەرگە بېرىش. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھ يولىدىكى ھىممەت ۋە غەيرەتلىرىنى ئاشۇرىدۇ.
ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئابىد كىشىلەرنى تالاليتتى. ئۇلار سەجدىدە ۋاقىتتا ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئاقچىلار سېلىنغان ھەميان بىلەن كېلىپ، ئۇلار پۇل قويۇلغانلىقىنى سېزىدىغان، ئەمما كىمنىڭ قويغانلىقىنى سەزمەيدىغان شەكىلدە كەشلىرىنىڭ ئىچىگە قويۇپ قوياتتى. ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئۇلارغا بىرەركىم بىلەن :ئەۋەتىپ بەرمەيدىغانلىقى سورلاغاندا، ئۇ
— ئۇلاردىن بىرەرسىنىڭ مەن بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى مەن ئەۋەتكەن ئەلچىگە يولۇققاندا يۈزىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىنى خاھلىمايمەن — دېگەنىدى.
-
ئىلىم ئىگىلىرى؛ چۈنكى، ئالىمغا بېرىش ئىلىمنى ۋە دىننى كېڭەيتىشنى قوللاشتۇر. بۇ شەرىئەتنى كۈچلەندۈرگەنلىكتۇر.
-
نېئمەتنىڭ پەقەتلا ئاللاھتىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈچىلەر؛ ئۇلار سەۋەبلەرنى پەقەت تەشەككۈر مىقدارىدا ماختايدۇ. ئەمما، بىرنەرسە بېرىلسە .ماختاش ئادىتى بار كىشى بىرنەرسە بەرمىگەندە سۆكىدۇ
-
كەمبەغەللىكىنى ياپىدىغان، ھاجىتىنى يوشۇرىدىغان ۋە شىكايەت قىلمايدىغانلار؛ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: «ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ» «2بەقەرە-273» دېگەن. بۇنداق كىشىلەرنى قاتتىق ئىزدەپ ۋە جاي-جايلاردىكى كىشىلەردىن سوراپ-سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىنلا ئاندىن تاپقىلى بولىدۇ.
-
بالىچاقىسى بار، كېسەل ياكى باشقا ۋەجدىن ئىشلىيەلمەيدىغان ۋەياكى قەرزدار كىشىلەر؛ ئۇلارغا سەدىقە بېرىش ئۇلارنى شۇ ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا. ياردەم قىلغانلىقتۇر
-
ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە يېقىن-يورۇقلار. ئۇلارغا قىلىنغىنى ھەم سەدىقە، ھەم ئېھسان، ھەم سىلە-رەھىمدۇر.
يۇقىرىقىلاردىن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ خىسلەتنى جەم قىلغان ھەرقانداق. كىشىگە مەزكۇر سۈپەتلىرىگە قارىتا زاكات بېرىش ئەۋزەلدۇر
زاكات ئالغۇچىنىڭ ۋەزىپىلىرى
زاكات ئالغۇچى زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ بىرى بولۇشى :كېرەك. زاكات ئالغۇچىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ۋەزىپىلىرى بار
. بەت- 210 ،»ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەلئىخۋان
1-ۋەزىپە: ئاللاھ تائالانىڭ زاكات ئالغۇچىلار قاتارىغا ئۆزىنى تىزىشىنى زېھنىنى ئەندىشىلەردىن ئېرىغداپ، پۈتۈن زېھنىنى- چۇلغىۋالغان تۈرلۈك پىكىر ۋە غەم ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەشتىن ئىبارەت بىرلا پىكىرگە قارىتىشىنى پەرز قىلغانلىقىنى چۈشىنىشى؛
2-ۋەزىپە: زاكات بەرگۈچىگە رەھمەت ئېيتىش، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش ۋە ئۇنى ماختاش؛ لېكىن، بۇ پەقەتلا سەۋەبكە تەشەككۈر ئېيتىش مىقدارىدا بولسۇن (يەنى، زاكات بەرگۈچىنىڭ پەقەتلا بىر سەۋەب ۋە ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك)، چۈنكى ھەدىستە كەلگەندەك: «كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتمىغان كىشى .»ئاللاھقا شۈكۈر قىلمىغان بولىدۇ
بېرىلگەن نەرسىنى ئاز بولسىمۇ تۆۋەن كۆرمەسلىك، يىرىك سۆز قىلماسلىق ۋە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئەيبىنى يېپىش تەشەككۈرنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ. خۇددى ،بەرگۈچىنىڭ ۋەزىپىسى بەرگەن نەرسىسىنى كىچىك ساناش بولغىنىدەك ئالغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئالغان نەرسىنى چوڭ بىلىشتۇر. ئىككىلىسى نېئمەتنى ئاللاھ تائالادىن دەپ بىلىشكە زىت ئەمەس. ئەمما، ۋاسىتىنى ۋاسىتە دەپ بىلمىگەن. كىشى ناداندۇر، ۋاسىتىنى ئەسل دەپ بىلگۈچى ئىنكارچىدۇر
3-ۋەزىپە: بېرىلگەن نەرسىگە ئوبدان قاراش، ئەگەر بېرىلگەن نەرسە ھالالدىن بولمىسا، ئۇنى ئەسلا ئالماسلىق؛ چۈنكى، باشقىلارنىڭ مېلىنى بېرىش زاكات چىقارغانلىق ئەمەس. ئەگەر زاكات ئالغۇچى قىيىنچىلىقتا بولمىسا، كەلگەن زاكات شۈبھىلىك بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك. كىرىمىنىڭ كۆپىنچىسى ھارامدىن تەشكىل تاپقان كىشى زاكات چىقارسا، مالنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىكى .ئېنىق بولمىسا، بۇنىڭغا بېرىلىدىغان پەتۋا ئۇ مالنىڭ سەدىقە قىلىۋېتىلىشىدۇر دېمەك، يوقسۇلنىڭ ئەھۋالى قىيىن، پاك مال ئېلىشتىنمۇ ئاجىز بولسا، ئۇنىڭ بۇ .مالدىن ھاجەت مىقدارىدا ئېلىشى دۇرۇستۇر
4-ۋەزىپە: ئالغان ئۈلۈشىدە شۈبھەدىن ساقلىنىش، ئۆزىگە مۇباھ مىقدارنى ئېلىش ۋە ئېھتىياج مىقدارىدىن كۆپ ئالماسلىق. يەنى ئەگەر قەزردار بولسا قەرزىنى تۆلىگۈدەك مىقداردىن ئارتۇق ئالمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ئۈچۈن ئۇرۇشقۇچى غازى بولسا پەقەت ھاجەت مىقدارىنى، كەمبەغەللىك سەۋەبلىك ئالماقچى بولسا، باي بولغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس، بەلكى ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەكنى ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالغۇچىنىڭ ئىجتىھادىغا تاپشۇرۇلىدۇ. شۈبھىلىك نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش تەقۋالىقتۇر.
ئالىملار قاي دەرىجە بايلىقنىڭ زاكات ئېلىشقا توسالغۇ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولدى. بۇ بارىدا توغرا بولغان قاراش كىشىنىڭ يەتكۈدەك مۈلۈك- داۋاملىق كىرىمى بولۇشىدۇر. يەنى كىشىنىڭ تىجارەت، ھۈنەر، ئۆي ئىجارىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردىن داۋاملىق كىرىم قىلالىشىدۇر. ئەگەر بىر كىشى زۆرۈر مىقدارنىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولسا، كەمىنى تولۇقلىغۇدەك مىقداردا زاكات ئالسا بولىدۇ. ئۇنچىلىكىمۇ بولمىسا، يەتكۈدەك مىقدارغىچە ئالسا. بولىدۇ
ئالغان زاكات مىقدارى ئۆزىگە بىر يىلغا يەتكۈدەك بولسا بولدى، ئۇنىڭدىن. ئارتۇق ئالمىغاي. چۈنكى، بىر يىلدىن كېيىن يەنە بىر زاكات ۋاقتى كېلىدۇ ئەگەر يىلدىن ئاشقۇچە ئېلىۋالسا، (باشقا) نامراتلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. بولىدۇ
ئىختىيارىي سەدىقىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلەت ۋە ئەدەبلىرى
خوش، سەدىقىنىڭ پەزىلەتلىرىگە كەلسەك، بۇ پەزىلەتلەر مەشھۇر ۋە كۆپتۇر:
ئىبنى— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— جۈملىدىن، ئىمام بۇخارىينىڭ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى :ۋەسەللەم
. دەپ سورىدى— قايسىڭلارغا مىراسخورىنىڭ مېلى ئۆز مېلىدىن سۆيۈملۈك؟— :ساھابەلەر
. ئى رەسۇلۇللاھ! ھەرقاندىقىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ مېلى سۆيۈملۈك، دېيىشتى— :رەسۇلۇللاھ
ھەقىقەتەن كىشىنىڭ تىرىكلىكىدە خەير يولىدا سەرپ قىلىپ ئالدىن— ماڭدۇرغىنى ئۆز مېلىدۇر، (تىرىكلىكىدە خەير يولىدا سەرپ قىلماي) ئارقىدا.» دېگەن— قالدۇرۇپ كەتكىنى مىراسخورىنىڭ مېلىدۇر
«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن ئەلبەتتە ئاللاھ— تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا — ئاللاھ تائالا پەقەت پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ — ئاللاھ تائالا ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇانىڭ تەرىپىگە پەقەت ھالالال ئۆرلەيدۇ قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن شۇ خورما چاغلىق نەرسىنى خۇددى بىراۋ ئۆز تايچىقىنى ئوبدان بېقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ.»ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بېرىدۇ
يەنە بىر ھەدىستە: «ھەقىقەتەن سەدىقە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى ئۆچۈرىدۇ بولسا باشقا بىر ھەدىستە: «سەدىقەۋە يامان ئۆلۈمدىن ساقلايدۇ» دېيىلگەن »قىلىڭلار، ھەقىقەتەن سەدىقە سىلەرنى دوزاختىن خالاس قىلغۇچىدۇر. دېيىلگەن
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشى ھېچقانداق بىر سەدىقىنى يەتمىش شەيتاننىڭ جاغىنى ئۆزىدىن ئاجراتماي تۇرۇپ بېرەلمەيدۇ» دېگەن.
،رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر راھىب ئاتمىش يىل بىر ھۇجرىدا ئىبادەت قىلدى ئاندىن قولىدا بىر تال نان بىلەن پەسكە چۈشتى، دەل شۇ چاغدا ئالدىغا بىر ئايال چىقىپ بەدەنلىرىنى ئاچتى. راھىب ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلدى ۋە ئۇلاپلا ئۆلۈم يېقىنلاشتى، دەل شۇ پەيتتە بىر تىلەمچى كەلدى ۋە راھىب ھېلىقى ناننى ئۇنىڭغا بېرىپ بولۇپ ئۆلدى. ئاندىن ئاتمىش يىللىق ئەمەل كەلتۈرۈلۈپ تارازىنىڭ بىر تەرىپىگە، گۇناھى كەلتۈرۈلۈپ يەنە بىر تەرىپىگە قويۇلغان ئىدى، گۇناھى ئاتمىش يىللىق ئەمىلىنى بېسىپ كەتتى. ئاخىرىدا نان كەلتۈرۈلۈپ ئەمىلىنىڭ. ئۈستىگە قويۇلغان ئىدى، گۇناھىنى بېسىپ چۈشتى
ئىمام مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەدىقە ئەسلا مالنى كېمەيتمەيدۇ» دېگەن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇلار بىر قوي بوغۇزلىغانىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ قويدىن نېمە قېلىپ قالدى؟» دەپ سورىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەقەت تاغاق سۆڭىكى ئەتراپى قالدى» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەمىسە تاغاق سۆڭىكى ئەتراپىدىن باشقا ھەممىسى بىزگە قاپتۇ (يەنى بىزگە ساۋاب بولۇپ قاپتۇ)» دېدى.
نەپلە سەدىقىنىڭ ئەدەبلىرىمۇ ئالدىدىراق بايان قىلىنغان زاكات بېرىشنىڭ ئەدەبلىرىگە ئوخشاشتۇر. نامرات كىشىنىڭ زاكات بىلەن نەپلە سەدىقىدىن. قايسىبىرىنى ئېلىشىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە ئالىملار ھەرخىل كۆزقاراشتا بولدى :بىر قىسىم ئالىملار: «زاكات ئېلىشى ئەۋزەل» دېسە، يەنە بىر قىسىم ئالىملار .«نەپلە سەدىقە ئالسا ئەۋزەل» دەپ قارىدى
ئەڭ ئەۋزەل سەدىقىگە كەلسەك، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:
— قايسى خىلدىكى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ چوڭدۇر؟ — دەپ سورالغانىدى، ئۇ زات:
سەن كەمبەغەللىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ تۇرغان، باي بولۇشنى ئارزۇ— مالغا ھېرىسمەن ۋە تېنىڭ ساغلام ۋاقتىڭدا قىلغان سەدىقىنىڭ- قىلىپ، پۇل ساۋابى ئەڭ چوڭدۇر. سەدىقە بېرىشنى كېچىكتۈرمىگىن، كېچىكتۈرۈپ جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا: ‹پالانىغا مۇنچىلىك بېرىڭلار، پوكۇنىغا مۇنچىلىك بېرىڭلار› دېگىنىڭ بىلەن، بۇ چاغدا مال باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەندە چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇش بولىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى. — ت.
ئىزاھاتلار:
- 129/4 ،»ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ
- 297/1 ،»ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ
- 115/1 ،ئەبۇ نۇئەيم: يۇقىرىقى مەنبە
- ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ1954( )؛ تىرمىزىي4811( ئەبۇ داۋۇد. ئەنھۇ رىۋايىتى
- 6442( بۇخارىي
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1410)؛ مۇسلىم (1014).
- تىرمىزىي (664)؛ ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1908): «سەھىھ» دېگەن.
- تەبەرانىي: «ئەلئەۋسەت» (8060)؛ ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 2439): «زەئىف» دېگەن.
- ئەھمەد (22955)؛ ھاكىم (1521)؛ ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 5814): «سەھىھ» دېگەن.
- مۇسلىم (2588).
- «سەھىھ» دېگەن2544 ،»). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە2470( تىرمىزىي
تۆتىنچى بۆلۈم: روزا، روزىنىڭ سىرلىرى، روزا تۇتۇشتىكى مۇھىم ئىشلار ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەر
بۆلۈم: “تۆتىنچى بۆلۈم: روزا، روزىنىڭ سىرلىرى، روزا تۇتۇشتىكى مۇھىم ئىشلار ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەر”بىلگىنكى، روزىدا باشقا ئىبادەتلەردە بولمىغان بىر خۇسۇسىيەت باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ روزىنى ئۆزىگە مەخسۇس قىلىشىدۇر. ھەقتائالا ھەدىس قۇدسىيدە: «روزا پەقەت مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ ئەجرىنى مەن بېرىمەن» دېگەن. شەرەپ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇ لەۋزى يېتەرلىكتۇر. خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن» «22ھەج-26» دېگەن ئايەتى كەرىمدە بەيتۇللاھنى ئۆزىگە خاسلاشتۇرۇپ شەرەپلەندۈرگىنىدەك.
روزا باشقا ئەمەللەردىن ئىككى سەۋەبتىن ئەۋزەلدۇر:
-
روزا يوشۇرۇن ۋە مەخپىي ئەمەلدۇر؛ روزىنى بىراۋ كۆرمەيدۇ ۋە رىيا ئارىلاشمايدۇ.
-
روزا ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى قاقشىتىدۇ. چۈنكى، دۈشمەننىڭ قورالى ئىچىش شەھۋەتنى كۈچەيتىدۇ. شەھۋەت زېمىنى مۇنبەت- شەھۋەتلەردۇر، يەپ بولىدىكەن، شەيتانلار كېلىپ يايلاپ تۇرىدۇ. شەھۋەتنى تاشلاش بىلەن شاياتۇننىڭ ساھەسى تارىيىدۇ. روزىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ناھايىتى نۇرغۇن ۋە .مەشھۇر رىۋايەت، ئەخبارلار باردۇر
روزىنىڭ سۈننەتلىرى
سوھۇرلۇق يېيىش، كېچىكتۈرۈپرەك ئېغىز ئېتىش، ئىفتارغا ئالدىراش ۋە خورما بىلەن ئېغىز ئېچىش سۈننەت، رامازان ئېيىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىپ سېخىي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش ۋە كۆپ سەدىقە بېرىش؛ قۇرئاننى دەرس قىلىش، بولۇپمۇ ئاخىرقى ئون كۈندە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ۋە كۆپ ئىبادەت قىلىشقا تىرىشىش قاتارلىقلار مۇستەھەبتۇر. «سەھىھەين»دە ئائىشە ،رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلدىكى: «رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تامبىلىنى چىڭ باغلايتتى، كېچىنى . «تامبىلىنى چىڭ»ئىبادەت بىلەن ئىھيا قىلاتتى ۋە ئەھلىنى ئويغىتاتتى شد املزئ� ز ر» تەبىرىنى ئالىملار ئىككى مەنادا« باغلايتتى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان :بايان قىلغان
بىرىنچىسى: ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلماسلىق؛
. ئىبادەتتە تىرىشىش- ئىككىنچىسى: راۋۇرۇس پۇختا تەييارلىق قىلىش ۋە ئەمەل
دەپتۇرلەركى: ئاخىرقى ئون كۈنىدە كۆپ تىرىشىشىنىڭ ۋەجى قەدر كېچىسىنى .ئىزدەشتۇر
روزىنىڭ سىرلىرى ۋە ئەدەبلىرى
بۆلۈم: “روزىنىڭ سىرلىرى ۋە ئەدەبلىرى”روزا ئۈچ دەرىجىدۇر: ئاۋامنىڭ روزىسى، ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ روزىسى ۋە .ئالاھىدە كىشىلەر ئىچىدىكى ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ روزىسى ئاۋامنىڭ روزىسى: قورساق ۋە ئەۋرەتنىڭ شەھۋىتىنى ئادا قىلماسلىقتۇر.
ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ روزىسى: تىل، قول، پۇت، كۆز، قۇلاق ۋە باشقا. ئەزالارنى گۇناھلاردىن ساقلاشتۇر
ئالاھىدە كىشىلەر ئىچىدىكى ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ روزىسى: قەلبنى ناچار خاھىشلاردىن، ئاللاھ تائالادىن يىراقلاشتۇرىدىغان پىكىرلەردىن قوغداش ۋە زېھنىنى بىر ئاللاھ تائالادىن باشقىسىدىن ئۈزۈش. بۇ روزىنىڭ باشقا تەرەپلىرىمۇ .بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئورنىدا سۆزلەنگۈسى
كۆزنى ھارامغا قاراشتىن، تىلنى باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىدىغان ھارام ياكى مەكرۇھ گەپ ۋە بىھۇدە سۆزلەردىن ساقلاش، شۇنداقلا باشقا ئەزالارنىمۇ گۇناھتىن. ساقلاش قاتارلىقلار ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ روزىسىنىڭ ئەدەبلىرىدۇر
بۇخارىي رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا روزىدار تۇرۇپ يالغان گەپ ۋە ساختىپەزلىكنى تەرك ئەتمەيدىغان كىشىنىڭ . ئىچمەكنى يېمەك-ئىچمىكىنى تەرك ئېتىشىگە موھتاج ئەمەس» دېگەن.
روزىنىڭ ئەدەبلىرى:
كېچىدە تاماقنى بولۇشىغا يەپ قورساقنى توشقۇزۇۋەتمەي، ئازراق يېيىش.»كېرەك. چۈنكى، «ئادەم بالىسى تولدۇرغان ئەڭ يامان قاچا قورسىقىدۇر كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە (يەنى ئىفتاردا) قورسىقى تويۇپ كەتكەن كىشى كېچىنىڭ قالغىنىدا ئۆزىدىن مەنپەئەت ئالالمايدۇ. شۇنىڭدەك سەھەردە قورسىقى تويۇپ كەتسە، پېشىن ۋاقتىغا يېقىنلاشقۇچە ئۆزىدىن مەنپەئەت ئالالمايدۇ. چۈنكى، كۆپ يېيىش ھۇرۇنلۇق ۋە بوشاڭلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا كۆپ يېگەندە روزا تۇتۇشتىكى مەقسەت بولمىش «ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن نەپسكە .يۈگەن سېلىش» ھاسىل بولمايدۇ
نەپلە روزا
بىلگىنكى، پەزىلەتلىك كۈنلەردە روزا تۇتۇش مۇستەھەبتۇر. بەزى پەزىلەتلىك كۈنلەر يىلدا بىر قېتىم كېلىدۇ. مەسىلەن، رامازاندىن كېيىنكى شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن، ئەرەفات كۈنى، ئاشۇرا كۈنى، زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى توققۇز. كۈنى ۋە مۇھەررەم كۈنى قاتارلىقلار
بەزىسى ھەر ئايدا تەكرارلىنىدۇ. مەسىلەن، ھەر ئاينىڭ بېشى، ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىدا روزا تۇتۇش دېگەندەك. كىمكى ئاينىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىدا روزا تۇتسا ياخشى قىلغان بولىدۇ. بولۇپمۇ ھەر ئاينىڭ ئۈچ تولۇن ئاي كۈنى . لىرى) روزا تۇتۇش بەك ئەۋزەلدۇر15 ،14 ،13( بەزىلىرى ھەر ھەپتە تەكرارلىنىدۇ: يەنى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى.
نەپلە روزىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىدۇر. «ئۇ زات بىر :. بۇ روزىغا ئۈچ مەنا جەملەنگەندۇر»كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتمايتتى
-
روزا تۇتمىغان كۈنى نەپسنىڭ نېسىۋىسى بېرىلىدۇ، روزىدار كۈنى تولۇق قۇللۇق بىلەن ئىبادەت قىلىنىدۇ. بۇنداق روزىدا نەپسكە قاياش ۋە قارشى تەرەپلەر. جەملەنگەن بولىدۇ، مانا بۇ ئادىللىقتۇر
-
ھەقىقەتەن يېيىش كۈنى شۈكۈر كۈنىدۇر، روزا كۈنى سەبر كۈنىدۇر. ئىماننىڭ ئىككى يېرىمى: شۈكۈر ۋە سەبردۇر.
-
بۇنداق روزا نەپسكە قارشى جىھادنىڭ ئەڭ قىيىنىدۇر. چۈنكى، نەپس بىر3 .نەرسىنى ئەمدى ئۇنتاي دەپ تۇرغاندا، ئۇ ھالەتتىن باشقا ھالەتكە يۆتكىلىدۇ
يىل بويى روزا تۇتۇشقا كەلسەك، ئىمام مۇسلىم ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى :ۋەسەللەمدىن
دەپ سورىغانىدى، ئۇ— يىل بويى روزا تۇتقان كىشىنىڭ ھالى نېمىدۇر؟— :)زات (جاۋابەن
، روزىمۇ تۇتمىغان— ياكى— روزا تۇتقانمۇ، تۇتمىغانمۇ ھېسابلانمايدۇ— . بۇ ھەدىستە روزا تۇتۇش چەكلەنگەن» دېدى— ئېغىزمۇ ئاچمىغان بولىدۇ كۈنلەردىمۇ ئارقىمۇئارقا روزا تۇتۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەمما، ئىككى ھېيت كۈنى ، كۈنلىرى) روزا تۇتماي- 4 ،- 3 ،- 2 ۋە تەشرىق كۈنلىرى (قۇربان ھېيتنىڭ يىلنىڭ قالغان كۈنلىرىدە روزا تۇتسا بولىۋېرىدۇ. ھىشام ئىبنى ئۇرۋەدىن رىۋايەت )قىلىنىشىچە، ئاتىسى (ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلغاي. ئارقىمۇئارقا روزا تۇتاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ ئارقىمۇئارقا روزا تۇتاتتى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىلغىچە40 پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن. ئارقىمۇئارقا روزا تۇتقان ئىدى» دېگەن
بىلگىنكى، ئاقىل كىشى روزىنىڭ غايىسىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇڭا، ئۇ نەپسىنى .پەزىلەتلىك نەرسىلەرگە قارىتىپ، بىچارە ھالغا مۇپتىلا بولۇشتىن ساقلايدۇ
مەسىلەن، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەپلە روزىنى ئاز تۇتاتتى ۋە: «مەن روزا تۇتسام نامازغا ماغدۇرۇم قالمايدىكەن، شۇڭا روزىنىڭ ئورنىغا نامازنى تاللىدىم» دەيتتى.
بەزىلەر روزا تۇتسا قۇرئان ئوقۇشقا ئاجىز كېلىدۇ. شۇڭا، قۇرئان ئوقۇشقا. تاقىتى يەتكۈدەك دەرىجىدە نەپلە روزا تۇتىدۇ
ھەركىم ئۆز ئەھۋالىنى ۋە ئۆزىگە نېمىنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆزى ئەڭ ياخشى .بىلىدۇ
ئىزاھاتلار:
- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ1151( )؛ مۇسلىم1894( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي. رىۋايىتى
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2024)؛ مۇسلىم (1174)
- ؛ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى1903( بۇخارىي
- «سەھىھ» دېگەن2265 ،»). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە17225( ئەھمەد
- ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ1159( )؛ مۇسلىم1977( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي. ئەنھۇما رىۋايىتى
- 1162( مۇسلىم
- سەنەدى سەھىھ126( ،»فىريابىي: «ئەسسىيام
بەشىنچى بۆلۈم: ھەج، ھەجنىڭ سىرلىرى، پەزىلەتلىرى، ئەدەبلىرى ۋە شۇ قاتارلىق مەسىلىلەر
بۆلۈم: “بەشىنچى بۆلۈم: ھەج، ھەجنىڭ سىرلىرى، پەزىلەتلىرى، ئەدەبلىرى ۋە شۇ قاتارلىق مەسىلىلەر”ھەج قىلىشنى ئىرادە قىلغۇچى ئىشنى ئەۋۋەلا تەۋبە قىلىشتىن باشلىشى، بار بولسا زۇلۇم قىلىپ ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشى، قەرزلىرىنى ئادا قىلىشى، ھەجدىن قايتىپ كەلگۈچە نەپىقىسى ئۆزىگە يۈكلەنگەن كىشىلەرنىڭ. نەپىقىلىرىنى تەييارلىشى ۋە ئىلكىدىكى ئامانەتلەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇشى كېرەك
- قايتقۇچە ئۆزى كەڭرى يەپ- بېخىللىق قىلماي، يېنىغا ھەجگە بېرىپ مال- ئىچىشكە يەتكۈدەك ۋە يوقسۇللارغا غەمخورلۇق قىلالىغۇدەك ھالال پۇل ئېلىۋېلىشى؛ مىسۋاك، تارغاق، ئەينەك ۋە سۈرمە قۇتىسىغا ئوخشاش لازىمەتلىكلەرنى يېنىغا سېلىۋېلىشى؛ ھەجگە ئاتلىنىشتىن ئالدىن سەدىقە قىلىشى، ئەگەر نەرسىلىرىنى ئارتقىلى بىرەر ئۇلاغ ئىجارىگە ئالغان بولسا، ئۇلاغقا ئارتىدىغان . يېنىك ھەممىنى ئۇلاغ ئىگىسىگە كۆرسىتىشى كېرەك- كىچىك، ئېغىر- چوڭ
بىر كىشى ئىبنى مۇبارەك — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — كە:
دېگەندە، ئىبنى— ! بۇ بىر پارچە تېرىنى پالانىغا ئالغاچ بارسىڭىز— :مۇبارەك
. دېگەنىدى— مەن ئۇلاغ ئىگىسىدىن رۇخسەت سوراپ باقاي—
يەنە ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغان، ياخشىلىقسۆيەر، ئۇنتۇغاندا ئەسلىتىپ قويىدىغان، ئەسلىسە ياردەم بېرىدىغان، كۆڭۈل غەشلىكتە سەبرگە ئۈندەيدىغان. ياخشى ھەمراھ تېپىش كېرەك
سەپەردە ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار تۈپەيلى يۈز بەرگۈسى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشلىق تەيىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. سەپەرداشلار ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل ۋە ھەمراھلىرىغا كۆيۈمچان كىشىنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلغاي. باشلىق بولغۇچى بولسا سەپەرداشلىرىغا يۇمشاق قول بولۇشى، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى .ياقىلىشى ۋە ئۆزىنى ئۇلارغا قالقان قىلىشى كېرەك
تائام بېرىش ۋە– سەپەر جەريانىدا يەنە ياخشى سۆزلەرنى قىلىش، ئاش
گۈزەل ئەخلاقنى نامايان قىلىش كېرەك. سەپەر ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى ئاشكارىلايدۇ، كىشىنى ھەر تەرەپلىمە چارچىتىدىغان سەپەر جەريانىدا گۈزەل. ئەخلاق كۆرسىتەلىگەن كىشى تۇرغۇن تۇرمۇشتىمۇ گۈزەل ئەخلاقلىقتۇر، دەپتۇرلەركى: «ئەگەر بىر كىشىنى تۇرغۇن تۇرمۇشتا مۇئامىلە قىلىپ باققانلارمۇ سەپەرداشلىرىمۇ ماختىسا، ئۇ كىشىنىڭ ياخشى كىشى ئىكەنلىكىگە شەك.»قىلماڭلار، يولۇچى سەپەرگە چىقمايدىغان دوست ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن خوشلاشقاي ئۇلاردىن دۇئا تەلەپ قىلغاي ۋە سەپەرگە پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاتالنغاي؛ تەئەللۇقاتىنى- ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغاي، ئەھل ئاللاھ تائالاغا ئامانەت قويغاي؛ ئۆيدىن چىققاندا، ئۇلاغقا مىنگەندە ۋە ئۇلاغدىن چۈشكەندە ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە دۇئالارنى ئوقۇغاي. بۇ دۇئا ۋە زىكىرلەر ھەج پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان كىتابلاردا باردۇر؛ شۇنىڭدەك ئىھرام باغلاش، تاۋاپ قىلىش، سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش، ئەرەفات تېغىدا تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەج جەريانىدا ئوقۇلىدىغان زىكىر، دۇئا ۋە ئەدەبلەرنىڭ، ھەممسىگە رىئايە قىلغاي. بۇلار فىقھ كىتابلىرىدا تولۇق تىلغا ئېلىنغان بولۇپ. شۇ كىتابلاردىن ئىزدەلگەي
يوشۇرۇن ئەدەبلەرنىڭ بايانى ۋە ھەجنىڭ سىرلىرىغا ئىشارە
بىلگىنكى، تۈرلۈك پىكىر ۋە غەملەردىن پارىغ بولماي ۋە ئۆزىنى تامامەن ئاللاھقا ئاتىماي تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىپ بولمايدۇ. پوپلار ئاللاھ بىلەن ئۈلپەت بولۇشنى كۆزلەپ تاغلاردا يالغۇز ئىستىقامەت قىلىشاتتى. ھەج- ئۇنس . روھانىيىتى قىلىندى— بىر مەنادا— بولسا بۇ ئۈممەتنىڭ
ھەجدە قەلبنى مەشغۇل قىلىۋالىدىغان، تۇيغۇ ۋە دىققەتنى بۆلۈۋېتىدىغان تىجارىي پائالىيەتلەردىن قول ئۈزۈش، تاشقى كۆرۈنۈش ئاۋارە بولسىمۇ، پۈتۈن. ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا بېرىلىش، زىيادە ياسانماسلىق ھەجنىڭ ئەدەبلىرىدىندۇر، يۈك ئارتىلغان تۆگىنىڭ ئۈستىدە چىڭ ئولتۇرالماسلىقتەك ئۆزرىسى بولمىسا كاجۇۋالىق تۆگىگە مىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ .ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېگەر توقۇمى كونا بىر ئۇلاغقا مىنىپ ھەج قىلغان
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھاجىلار بىلەن پەخىرلەنگەن، ھالدا پەرىشتىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بەندىلىرىمگە قاراڭلار! ئۇلار چېچى چۇۋۇق توزان ئىچىدە يىراق يوللارنى بېسىپ ماڭا كەلدى، سىلەرنى گۇۋاھ- توپا.»›!قىلىمەنكى، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلدىم
ئاللاھ تائالا ئۆز ئۆيىنى (بەيتۇللاھنى) شەرەپلىك ۋە ئەزىز قىلدى ۋە بەندىلەرنىڭ ئىنتىلىش مەنزىلى ئەيلىدى. ئۆز بۇيرۇقى ئۇلۇغلانسۇن ۋە ئۆيىنىڭ شانى يۈكسەلسۇن ئۈچۈن ئەتراپىنى ھەرەم (چەكلەنگەن رايون)، ئەرەفاتنى بولسا. ئۇنىڭ سەيناسىدا بىر مەيدان قىلدى
بىلگىنكى، ھەج ئەمەللىرىنىڭ ھەربىرىدە تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن. بېشارەتلەر، ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن دەرسلەر باردۇر
بۇلاردىن بىرى، ھەج جەريانىدىكى ئەمەللىرى بىلەن ئۆزىگە ئاخىرەت ❊ ئوزۇقى تەييارلىغانلىقىنى ئويلىشىدۇر. ئۇنداقتا كىشى بۇ ئەمەللەرنىڭ رىيا ۋە كۆز قىلىش بىلەن نابۇت بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانسۇن. چۈنكى، بۇنداق-كۆز ئەمەل بەئەينى سەپەرنىڭ دەسلىپىدىلا بۇزۇلۇپ، ئېھتىياج تۇغۇلغاندا ئىگىسىنى تاڭ قالدۇرغان خام يېمەكلىككە ئوخشاش ھەرگىز يار بولمايدۇ ۋە مەنپەئەت- ھاڭ باياۋانغا كىرگەن ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ- بەرمەيدۇ. يۇرتىدىن ئايرىلىپ چۆل كەلگەن ۋاقتىدا، ئۆلۈم بىلەن بىرگە دۇنيادىن قىيامەت مەيدانىغا ۋە بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى قورقۇنچلار ئالدىدا ئاشۇ ئوزۇق بىلەن بىر نىجاتلىق بارلىقىنى !ئەسلىگەي
يەنە بىر بېشارەت كىشىنىڭ ئىھرامغا كىرىش ۋاقتى ۋە كىيىملىرىنى سېلىشىدىن ئىبرەت ئېلىشىدۇر. ھاجى ئىھرامغا كىرگەندە بەئەينى ئۆز كېپىنىنى كىيگەن، دۇنيا ئەھلىنىڭ كىيىمىدىن پەرقلىق بىر كىيىمدە رەببىگە مۇلاقات بولىدۇ. تەلبىيە ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا ئىجابەت قىلىۋاتقانلىقىنى ياد ئەتسۇن. دەرۋەقە، ھەقتائالا: «كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى ھەجگە چاقىرىپ) نىدا قىلغىن» «22ھەج-27» دەپ بۇيرۇغان. كىشى بۇ ئىجابىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىشى، قوبۇل بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرىشى كېرەك. شۇنىڭدەك ھەرەمگە يېتىپ بارغاندا، ئازابتىن قۇتۇلۇشتىن ئۈمىدۋار بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالاغا يېقىن كىشىلەر قاتارىدىن بولالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىشى، لېكىن ئۈمىدۋارلىق ئۈستۈن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھنىڭ كەرەم ۋە مەرتلىكى ئومۇمىيدۇر، زىيارەت قىلغۇچىنىڭ ھەققى ئاللاھ تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ ئامانلىقى زايە بولمايدۇ.
يەنە بىرى: بەيتۇللاھنى كۆرگەندە ئۇنىڭ كاتتىلىقىنى قەلبەن ھېس ❊ قىلىپ، ئۆزىنى ئۇشبۇ مەنزىلگە يەتكۈچىلەردىن قىلغان ئاللاھ تائالاغا تەشەككۈر ئېيتىشى، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشنىڭ ئۇلۇغ ۋە مۇھىم ئەمەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك؛ چۈنكى، تاۋاپ بىر مەنادا نامازدۇر. ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سىلىغان چاغدا ئىشىنىپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەي ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتا قاتتىق ئىرادىگە كەلگەي. كەئبىنىڭ يوپۇقلىرىغا گە يېقىنلاشقاندا گۇناھكار قۇلنىڭ ئۆز خوجىسىنى پاناھئېسىلغاندا ۋە مۇلتەزەم !تارتىشىنى ۋە ئاشىقنىڭ مەشۇقىگە يېقىنلىشىشىنى خىيالىغا كەلتۈرگەي
بۇ ھەقتە بەزىلەر مۇنداق شېئىر ئوقۇغان ئىدى:
بىر ئەمىنلىك سايەسىدۇر ئۆيۈڭنىڭ يوپۇقلىرى ،ئاڭا مەھكەم ئېسىلدىم ساڭا سىغىنىپ يا رەببى ،گەر دەۋزەختىن قورققان ھالدا ئېسىلسام ئاڭا، يوق گۇمانىم، ئاندا دەۋزەخكە يولاتمايسەن مېنى ،پەرمان قىلدىڭ: «بەيتىمگە قىلىڭلار ھەج» دەپ. لەببەي! مانا پاناھگاھ قىلدىممەن بەيتىڭنى
سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلغاندا ئۆزىنى بەجايىكى مىزان ❊ كېلىۋاتقاندەك ۋە مەھشەرگاھتا- تارازىسىنىڭ ئىككى ئۇچى ئارىسىدا بېرىپ تارتىلىۋاتقاندەك ياكى خىزمەتتىكى ئىخلاسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، مەرھەمىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈمىدى بىلەن خاقاننىڭ كېلىۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلىشى كېرەك؛- ئوردىسىنىڭ ئالدىدا بېرىپ
ئەرەفاتتا تۇرغاندا ئۇندا كۆرگەن ئالاماننى، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاشلارنى مەھشەرگاھتا تۈرلۈك تىللاردا ۋە بارچە ئۈممەتنىڭ قايىم بولۇشى ۋە شاپائەت !تەلەپ قىلىشلىرىغا قىياس قىلغىن
جەمەراتتا شەيتانغا تاش ئاتقىنىڭدا شۇ ئارقىلىق ئىلاھىي بۇيرۇققا بويسۇنغانلىقىڭنى، قۇللۇق ۋە ئىبادىتىڭنى ئىزھار قىلغانلىقىڭنى ۋە پۈتۈن تۇيغۇلىرىڭدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، پەقەت ۋە پەقەت بىر ئاللاھ- نەپسانىي ھېس !تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغانلىقىڭنى ئويلىغىن
مەدىنەگە كەلسەك، مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەنىڭ قارىسىنى كۆرسەڭ، بۇ شەھەرنىڭ ئاللاھ تائالا ئۆز رەسۇلىغا تاللاپ بەرگەن، ئۇنى ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە !قەبرىسىنىڭ شۇ يەردە بولۇشىنى ئىرادە قىلغان شەھەر ئىكەنلىكىنى ئەسلە
بۇياقتا- ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنەدە ئۇياق !قەدەم باسقان يەرلىرىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈر
!ئۇ زاتنىڭ خۇشۇئ ۋە تەمكىنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىل
ئەگەر ئۇ زاتنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلماق بولساڭ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ !ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كاتتىلىقىنى ۋە ھەيۋىتىنى قەلبەن ھېس قىل
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك جامالىنى خىيالىڭدا !جانلاندۇر
!پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ بۈيۈكلۈكىنى ئەسلە
!ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام بەرگىن
رەسۇلۇللاھنىڭ خۇددى ھەدىستە كەلگەندەك، سېنىڭ ئۇ يەردىلىكىڭنى ۋە !!! بىلسالام بەرگەنلىكىڭىنى بىلىدىغانلىقىنى
ئىزاھاتلار:
- ئىبنى ماجە (2890)؛ ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2617) «سەھىھ» دېگەن.
- ئىبنى خۇزەيمە (2840)؛ ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 1867، 1868) «سەھىھ» دېگەن.
- ئەبۇ داۋۇد (2041)؛ ئەھمەد (2/547) دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ماڭا سالام يوللايدىكەن، مېنىڭ ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇشۇم ئۈچۈن ئاللاھ روھىمنى ماڭا قايتۇرىدۇ» دېگەن. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
- مۇلتەزەم (اَلْمُلْتَزَم): ئەرەب تىلىدا: «چىڭ ئېسىلىپ، چاپلىشىپ دۇئا قىلىنىدىغان جاي» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەسجىدۇل ھەرەمدە: «ھەجەرۇل ئەسۋەد بىلەن كەئبەنىڭ ئىشىكىنىڭ ئارىلىقىدىكى تۆت گەز كېلىدىغان دۇئاگاھ»تۇر. «دۇئاگاھ» (الْمُدَّعَى)، «پاناھگاھ» (اَلْمُتَعَوَّذ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جايغا مەيدىسىنى، يۈزىنى، بىلەكلىرىنى ۋە ئالىقانلىرىنى يېيىپ چاپلاپ دۇئا قىلىش مۇستەھەبتۇر. — ت.
- جەمرە (اَلْجَمْرَة): «چوغ پارچىسى، شېغىل تاش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئاتالغۇسى سۈپىتىدە ھاجىلار قۇربان ھېيت ۋە تەشرىق كۈنلىرىدە مىنادا ئاتقان كىچىك تاشلارنىڭ ھەربىرىنى ۋە ئۇ تاشلار ئېتىلىدىغان ئايرىم-ئايرىم ئۈچ يەرنى كۆرسىتىدۇ. ھېيتنىڭ 1-كۈنى ئەقەبە جەمرىسىگىلا يەتتە تاش، ئۇندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئۈچ جەمرەگە يەتتىدىن تاش ئاتىدۇ. — ت.
ئالتىنچى بۆلۈم: قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى
بۆلۈم: “ئالتىنچى بۆلۈم: قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى”قۇرئاننىڭ ئەڭ بۈيۈك پەزىلىتى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىدۇر. ھەقتائالا نۇرغۇن ئايەتلەردە «قۇرئان كەرىم»نى ماختىغان: «بۇ بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر» «6ئەنئام-92»، «بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ» «17ئىسرائ-9»، «ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر» «41فۇسسىلەت-42».
ئىمام بۇخارىي ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىلەردۇر» دېگەن.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى :ۋەسەللەم
— ھەقىقەتەن كىشىلەر ئىچىدە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ يېقىن كىشىلىرى بار — دېدى.
— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار كىملەر؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ زات:
— ئاللاھ تائالانىڭ يېقىن ۋە خاس كىشىلىرى دەل قۇرئان ئەھلىدۇر — دېدى.
باشقا بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا قۇرئاننى چۈشەنگەن ۋە ئەمەل قىلغان قەلبنى ئازابلىمايدۇ» دېگەن.
، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى ،پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى قارىيغا: ‹ئوقۇ، ئۆرلە دۇنيادا تەرتىل قىلىپ ئوقۇغىنىڭدەك تەرتىل بىلەن ئوقۇ! سېنىڭ مەرتىۋەڭ سەن . بۇرەيدەئوقۇغان ئاخىرقى ئايەت بىلەن بەلگىلىنىدۇ› دېيىلىدۇ» دېگەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇرئان يادلىغان كىشىنىڭ قەبرىسى يېرىلغاندا، قۇرئان ئۇنىڭغا :سۇلغۇن چىراي بىر ئادەم سىياقىدا كۆرۈنىدۇ، ئاندىن
— مېنى تونۇمسەن؟ — دەيدۇ. قارىي:
— سېنى تونۇمايمەن — دەيدۇ.
مەن سېنى قاتتىق ئىسسىقلاردا ئۇسساتقان، كېچىدە ئۇيقۇسىز قويغان— ھەمراھىڭ قۇرئاندۇرمەن، ھەرقانداق سودىگەر ئۆز تىجارىتىدىن پايدىغا ئېرىشىشىنى كۈتىدۇ، مەن سېنى بۈگۈن بارلىق تىجارەتلەردىن ئېرىشىلگەن . دەيدۇ— پايدىدىنمۇ ئەۋزەلرەك پايدىغا ئېرىشتۈرىمەن
ئاندىن ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا خاھلىغانچە ئىشلىتىدىغان كۈچ بېرىلىدۇ، سول قولىغا مەڭگۈلۈك بېرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بېشىغا كەمتەرلىك تاجى قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسىغا دۇنيادا باھاسى بېكىتىلمىگۈدەك ئىككى تون كىيگۈزۈلىدۇ. ئۇ- ئاتا :ئىككىسى
دەيدۇ. ئاندىن ئۇ— بۇ تون بىزگە نېمە سەۋەبتىن كىيگۈزۈلدى؟— :ئىككىسىگە جاۋابەن
. دېيىلىدۇ— بالاڭلارغا قۇرئاننى يادلاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن كىيگۈزۈلدى— ئاندىن: ‹ئوقۇغىن، جەننەتنىڭ پەشتاقلىرى ۋە ھۇجرىلىرىغا ئۆرلىگىن!› دېيىلىدۇ ئۇنىڭ ئوقۇغان قۇرئانى تېز ياكى ئاستا بولسۇن قۇرئاننى ئوقۇغان مۇددىتىدە .»جەننەتنىڭ دەرىجىلىرىگە ئۆرلەيدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «قارىي قۇرئان، باشقىلار ئۇخلاپ ياتقاندا كېچىسىنى (قەدىرلەشنى)، روزا تۇتمىغاندا كۈندۈزلىرىنى باشقىلار سۆيۈنۈپ، يايراپ يۈرگەندە قايغۇرۇشنى، كىشىلەر كۈلۈپ يۈرگەندە يىغلاشنى، ئادەملەر قۇرۇق پاراڭغا چۆككەندە سۈكۈت قىلىشنى، خەق كىبىرلەنگەندە كەمتەر بولۇشنى بىلىشى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرۇشى لازىم. قوپلا.»غاپىل، ۋارقىرايدىغان ۋە ئاچچىقى يامان بولماسلىقى كېرەك
فۇزەيل ئىبنى ئىياز — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «قارىي ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرگۈچىدۇر. شۇڭا، ئۇ ئىسلام ھۆرمىتى ۋە قۇرئان ھەققى ئۈچۈن ئويۇنچىلارنىڭ تاماشاسىغا، غاپىللارنىڭ غەپلىتىگە، بىكارتەلەپلەرنىڭ بىھۇدە پاراڭلىرىغا جور بولماسلىقى كېرەك».
قارىي ھېچ كىشىگە ھاجەتمەن بولماسلىققا، بەلكى باشقىلار ئۇنىڭغا ھاجەتمەن. بولۇشقا ئەڭ لايىقتۇر
ئىمام ئەھمەد — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «مەن ئىززەت ئىگىسى پەرۋەردىگارىمنى چۈشۈمدە كۆردۈم، ئاندىن:
— ئى رەببىم! ساڭا يېقىنلىشىدىغانلار نېمە بىلەن بەك يېقىنلىشىدۇ؟— :دېگەنىدىم، رەببىم
دېدى — ئى ئەھمەد! مېنىڭ كالامىمنى ئوقۇش بىلەن—
رەببىم! چۈشىنىپ ئوقۇش بىلەنمۇ ياكى چۈشەنمەي ئوقۇش بىلەنمۇ؟—
.») چۈشىنىپ ئوقۇسۇن ياكى چۈشەنمەي ئوقۇسۇن (شۇنداقتۇر—
قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەبلىرى توغرىسىدا، قۇرئان ئوقۇغاندا تاھارەتلىك، ئەدەبلىك بولۇش، باداشقان قۇرۇپ، يۆلىنىپ. كېرىلىپ ۋە كۆرەڭلەپ ئەمەس، باشنى تۆۋەن تۇتۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش كېرەك
قۇرئاننى نامازدا قىيامدا تۇرۇپ ئوقۇش، بولۇپمۇ مەسجىدتە شۇنداق ئوقۇش. ئەڭ ئەۋزەل قۇرئان ئوقۇش ھالىتىدۇر
قۇرئاننى قانچىلىك ئوقۇش خۇسۇسىدا سەلەف سالىھلەرنىڭ ئادەتلىرى ھەرخىل كۈندۈزدە بىر قېتىم خەتمە قۇرئان قىلسا، بەزىلەر- ئىدى: بەزىلەر بىر كېچە بىر قېتىمدىن ئارتۇق خەتمە قىلاتتى؛ بەزىلەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم خەتمە
: بەت؛ نەۋەۋىي- 113 ،»)؛ ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى885( ،»ئەھمەد «ئەززۇھد
قائىدىلىك قىلسا، بەزىلەر ھەپتىدە بىر قېتىم خەتمە قىلغان ۋە يەنە بەزىلەر تەپەككۇر بىلەن ئوقۇپ ياكى ئىلىم تارقىتىش، ئۆگىتىش ياكى قۇرئان ئوقۇشتىن باشقا تىجارەت بىلەن- ئىبادەت تۈرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ۋەياكى دۇنيالىق كەسىپ. شوغۇللانغاچ ئايدا بىر قېتىم خەتمە قۇرئان قىلىشار ئىدى
قۇرئاننى مۇھىم ئىشلارغا پۇتلاشتۇرماي، بەدەنگە ئەزىيەت بەرمەي ۋە تەرتىل . دانە ۋە چۈشىنىشلىك) خەتمە قىلىش ئەڭ ياخشىدۇر- بىلەن (دانە
تېز- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەن ئۈچۈن قۇرئاننىڭ تامامىنى تېز ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدىن كۆرە ‹بەقەرە› ۋە ‹ئال ئىمران› سۈرىلىرىنى تەرتىل. بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر» دېگەن
كىم بولمىسۇن، قاچان پۇرسەت تاپالىسا شۇ ۋاقتىنى قۇرئان ئوقۇش بىلەن كۆپ ساۋابقا ئېرىشكەي! ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ- غەنىيمەت بىلسۇنكى، كۆپ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت— قۇرئاننى بىر رەكئەت ۋىتىردا ئوقۇيتتى. ئىمام شافىئىي . قېتىم خەتمە قىلاتتى60 رامازان ئېيىدا قۇرئاننى— قىلسۇن
ئىمكان مىقدارىدا— بىز ئىشارەت قىلغاندەك— قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇش. بولسا بولىدۇ
بەزى ئالىملار كۈندۈزنىڭ ئاۋۋىلىنى ياكى ئاخىرىنى قۇرئان خەتمىسى ئارقىلىق قارشى ئېلىش ئۈچۈن قۇرئاننى كۈندۈزدە خەتمە قىلماقچى بولسا، بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن خەتمە قىلىشنى، كېچىدە خەتمە قىلماقچى بولسا، ناماز شامنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن. خەتمە قىلىشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «كىمكى قۇرئان خەتمە قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىجابەت قىلىنىدىغان بىر دۇئاسى بولىدۇ» دېگەن.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى خەتمە قىلغان چاغدا ئائىلىسىنى يىغىپ. دۇئا قىلاتتى
قۇرئان ئوقۇغاندا ئاۋازىنى چىرايلىقلاشتۇرۇش توغرىسىدا
بۆلۈم: “قۇرئان ئوقۇغاندا ئاۋازىنى چىرايلىقلاشتۇرۇش توغرىسىدا”قىرائەتنى گۈزەللەشتۈرۈش مۇستەھەبتۇر. ئەگەر قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ ئاۋازى .گۈزەل بولمىسا، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئاۋازىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ
قۇرئاننى لەھن قىلىپ ئوقۇشنى سەلەف سالىھلەر مەكرۇھ دەپ قارىغان.
قۇرئاننى مەخپىي ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. ھەدىستە: «قۇرئاننى مەخپىي ئوقۇشنىڭ ئاشكارا ئوقۇشقا بولغان ئارتۇقچىلىقى مەخپىي سەدىقىنىڭ ئاشكارا «قۇرئاننى مەخپىي ئوقۇشنىڭ ئاشكارا ئوقۇشقا بولغان ئارتۇقچىلىقى مەخپىي سەدىقىنىڭ ئاشكارا سەدىقىگە بولغان ئارتۇقچىلىقىغا ئوخشايدۇ» دەپ كەلگەن. لېكىن، مەخپىي ئوقۇغاندا ئۆزى ئاڭلىغۇدەك ئوقۇشى كېرەك.
سەھىھ / توغرا / ماقۇل بىر مەقسەت بىلەن قۇرئاننى ئۈنلۈك ئوقۇشقا بولىدۇ تېخىمۇ ئاسان ۋە ياخشى يادلاش، نەپسىنى ھۇرۇنلۇق ۋە ئۇيقۇدىن تارتىش ياكى .مۈگىدەك باسقانلارنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئاشكارا ئوقۇغان بولسا ھېچقىسى يوق:
نامازدا قىرائەت قىلىش ھۆكمى، پەرز نامازدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەرنىڭ مىقدارى، قىرائەتنى ئاشكارا ۋە مەخپىي ئوقۇش ئورۇنلىرى فىقھ كىتابلىرىدا. ھەممىگە مەشھۇردۇر
ئىلكىدە قۇرئان بار كىشى قۇرئان تاشلاندۇق بولۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن، ھەر. كۈنى ئاز بولسىمۇ قۇرئان ئوقۇشى كېرەك
قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز كالامىنىڭ مەنىلىرىنى ياراتمىشلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرىگە يەتكۈزۈشتىكى مەرھەمىتىنىڭ قانداقلىقىغا، قارىشى، ئۆزى ئوقۇۋاتقان سۆزنىڭ بىرەر ئىنساننىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى بىلىشى سۆزلىگۈچى بولغان ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بۈيۈكلۈكىنى زېھنەن بىلىشى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى تەپەككۇر قىلىشى كېرەك. قۇرئان ئوقۇشتىكى ئەسل . پىكىر يۈرگۈزۈشتۇر- مەقسەت ئويلىنىپ
تەكرار- پىكىر يۈرگۈزۈش پەقەت بىرەر ئايەتنى تەكرار- ئەگەر ئويلىنىپ . تەكرار ئوقۇسۇن- ئوقۇش ئارقىلىقلا ھاسىل بولسا، ئۇ ئايەتنى تەكرار
ئايەتنىڭ مەنىسى، سۆزلەرنىڭ ھەرپلىرى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ۋە خاتالىققا مايىل دەرىجىدە ئوقۇش.
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر…» «5مائىدە-118» دېگەن ئايەتنى تەكرار-تەكرار ئوقۇپ بىر كېچە قىيامدا تۇرغان.
تەمىم ئەددارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!» «45جاسىيە-21» دېگەن ئايەتنى تەكرار-تەكرار ئوقۇپ بىر كېچە قىيامدا تۇرغان. مۇشۇ ئايەتنى ھەم رەبىئ ئىبنى خۇسەيممۇ — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — بىر كېچە تەكرار-تەكرار ئوقۇپ قىيامدا تۇرغان.
قۇرئاننى چۈشىنىش
بۆلۈم: “قۇرئاننى چۈشىنىش”قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچى ھەربىر ئايەتتىن ئۇ ئايەتكە لايىق مەنىلەرنى ئىزدىشى ۋە ئۇ مەنىلەرنى چۈشىنىشى كېرەك، مەسىلەن ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى…» «6ئەنئام-1» دېگەن ئايىتىنى ئوقۇسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلسۇن ۋە ئۆزى كۆرگەن ھەربىر نەرسىدىكى قۇدرەتى ئىلاھىيغا قارىسۇن! «بەچچىدانلارغا تۆكۈلگەن مەنىيدىن خەۋەر قىلىڭلارچۇ؟» «56ۋاقىئە-58» دېگەن ئايەتنى ئوقۇسا، ئاددىي كۆرۈنۈشلۈك مەنىيگە، يەنى ئۇنىڭ قانداق قىلىپ گۆش، سۆڭەك، تومۇر، پەي، باش، قول، پۇت كەبى ھەرخىل شەكىللەرگە ھەمدە قۇلاق، كۆز ھەتتا ئەقىلگە ئوخشاش نەرسىلەرگە ئايلىنىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزسۇن ۋە بۇ ئاجايىباتلار ھەققىدە ئويلانسۇن!
كاززاب (ئاللاھنى ئىنكار قىلغۇچى) لارنىڭ ھالى توغرۇلۇق ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلغىنىدا، بۇيرۇقلارغا بويسۇنۇشتىن غاپىل قالسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا قېلىش !قورقۇنچىنى ھېس قىلسۇن
تىلاۋەت قىلغۇچى قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللاردىن قېچىشى، ھەرپنى ھەققى بىلەن تىلاۋەت قىلالمىغانلىق، تاۋۇشلارنى دەل مەخرىجىدىن چىقارمىغانلىقتەك شەيتانىي ۋەسۋەسىلەرگە پىسەنت قىلماسلىقى قايتا- كېرەك! بۇلاردىن قۇتۇلمىغۇچە، ئايەتلەرنى توغرا ئوقۇش ئۈچۈن قايتا تەكرارالۋېرىپ، دىققەت ۋە غەيرىتىنى قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ.
- مەئسىيەتتىن قاچماسلىق، تەكەببۇر ياكى ھەۋىسىگە يېڭىلغاق- گۇناھ بولۇشمۇ تىلاۋەت قىلغۇچىنى قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىشتىن توسۇپ قويىدىغان ئامىللاردىندۇر. بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن قەلبنىڭ قارىيىشى ۋە داتلىشىشغا سەۋەب بولىدۇ. گۇناھ ئەينەك يۈزىدىكى داغقا ئوخشاش بولۇپ ھەقنىڭ تەجەللى قىلىشىنى توسىدۇ. دېمەك، قەلب بەئەينى ئەينەككە ئوخشايدۇ، شەھۋەتلەر داغقا ئوخشايدۇ. قۇرئاننىڭ مەنىلىرى خۇددى ئەينەكتە ئەكس ئېتىدىغان سۈرەتلەرگە ئوخشايدۇ ۋە قەلبتىن شەھۋەتلەرنى يىراق قىلىش بىلەن قەلبنى پاكلاش دەل. ئەينەكنى پارلاتقانغا ئوخشايدۇ
تىلاۋەت قىلغۇچى قۇرئاندىكى خىتاب ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ئۆزىگە .قارىتىلغانلىقىنى بىلىشى كېرەك
قۇرئاندىكى قىسسەلەرنىڭ قۇرۇق پاراڭ ئەمەس، بەلكى ئىبرەت مەقسىتىدە كەلتۈرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. شۇندىلا كىشى قۇرئاننى خۇددى .خوجايىنى ئۆز مەقسىتىنى يازغان نامەنى ئوقۇغان قۇل كەبى تىلاۋەت قىلالايدۇ قۇرئاننى ئويلانسۇن ۋە قۇرئاننىڭ تەلىپى بويىچە ئەمەل قىلسۇن. ھەقىقەتەن قايتا ئوقۇپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغۇچى بەئەينى- قۇرئاننى قايتا پادىشاھنىڭ پۈتۈكىنى ئوقۇپلا قويۇپ، بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە مەملىكەتنى گۈللەندۈرۈشتىن باش تارتقان، ھەتتا شاھى بۇيرۇققا قارشى ئىش قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇ پۈتۈكنى ئوقۇماي تۇرۇپ بۇيرۇققا قارشى ئىش قىلغان . تەنە ۋە كايىلىشتىن ئازراق بولسىمۇ يىراق بولغان بولاتتى- بولسا، تاپا، قۇرئان ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ قولىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىشى ،ئۆزىگە رازىمەنلىك ۋە ئۆزىنى ئاقلاش نەزەرى بىلەن قارىماسلىقى كېرەك-ئۆز چۈنكى كىشى ئۆزىنى نۇقسانلىق سۈرىتى بىلەن كۆرسە، بۇ ئۇنىڭ ئاللاھقا. يېقىنلىق ئىزدىشىگە سەۋەب بولىدۇ
ئىزاھاتلار:
- ئەھمەد (12264)؛ نەسائىي: «ئەسسۈنەنۇلكۇبرا» (8031)؛ ئىبنى ماجە (215)؛ ئالبانىي («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 215): «سەھىھ» دېگەن.
- بۇخارىي (5027).
- دەيلەمىي: «ئەلفىردەۋس بىمەئسۇرىل خىتاب» (7798)، ئۇقبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
- دارىمىي (3363)؛ ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2865): «زەئىف» دېگەن.
- ھافىز ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 9/79) ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى ھەققىدە: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
- «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن2914( )؛ تىرمىزىي6796( ئەھمەد
- 5952 ،»)؛ بۇسايرىي: («ئىتھافۇل خىيەرە30668( )؛ ئىبنى ئەبى شەيبە22950( ئەھمەد .«ھەسەن» دېگەن
- 92/8 ،»ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ
- سەنەدى زەئىفتۇر44( ،»ئەلخەللال: «ئەلمەجالىسۇل ئەشرە
- قاسىم ئىبنى سەللام: «فەزائىلۇل قۇرئان» (87). ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (1/429) دە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان يول بىلەن كەلتۈرۈلگەن.
- قاسىم ئىبنى سەللام («فەزائىلۇل1907( ،»)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان3517( دارىمىي .) ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان87 ،»قۇرئان
- بۇ ھەدىس لەۋزى «تىرمىزىي»دا مۇنداق ھالەتتە كەلگەن: «قۇرئاننى ئۈنلۈك ئوقۇغان كىشى ئاشكارا سەدىقە قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ، پەس ئاۋازدا ئوقۇغان كىشى بولسا يوشۇرۇن :). ئالبانىي1184( )؛ ئەبۇ داۋۇد2919( سەدىقە قىلغان كىشىگە ئوخشاش». تىرمىزىي
- «سەھىھ» دېگەن2202 ،»(«ئەلمىشكات
- ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن966( )؛ نەسائىي1350( ئىبنى ماجە
يەتتىنچى بۆلۈم: زىكىرلەر، دۇئالار ۋە باشقا ئىبادەتلەر
بۆلۈم: “يەتتىنچى بۆلۈم: زىكىرلەر، دۇئالار ۋە باشقا ئىبادەتلەر”بىلگىنكى، قۇرئان تىلاۋىتىدىن قالسا، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى زىكىر قىلىش ۋە خالىس دۇئالار بىلەن ھاجەتلەرنى تىلەشتىنمۇ ئەۋزەل تىل بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت يوقتۇر. زىكىرنىڭ پەزىلىتىگە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى دەلىلدۇر: «مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن» «2بەقەرە-152»، ۋە: «ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ» «3ئال ئىمران-191»، ھەمدە: «ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى» «33ئەھزاب-35».
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە مۇنداق دەيدۇ: «بەندەم مېنى زىكىر قىلىپلا تۇرسا ۋە ئىككى لېۋى مېنىڭ ئىسىمىم بىلەن ھەرىكەتلىنىپلا تۇرسا، مەن بەندەم بىلەن.»بىللىمەن
زىكىر مەجلىسلىرىنىڭ پەزىلىتى
بۆلۈم: “زىكىر مەجلىسلىرىنىڭ پەزىلىتى”ئىمام مۇسلىمنىڭ «سەھىھ»ىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق، دېگەن: «قايبىر جامائەت ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ (زىكىر قىلىپ) ئولتۇرىدىكەن پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئورايدۇ، ئۇلارغا سەكىينە / خاتىرجەملىك چۈشىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدىكىلەر . بۇ ھەقتە كىتابلاردا «ئەمەللەرنىڭ»(پەرىشتىلەر) ئىچىدە ئۇلارنى تىلغا ئالىدۇ پەزىلەتلىرى» بابىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلگەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايبىر جامائەت بىر مەجلىستىن ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلماي تۇرۇپ تارقالسا، بەئەينى ئۆلۈك ئېشەكنىڭ ئۈستىدىن تارقالغاندەك بولىدۇ ۋە (بۇ . دېگەن»مەجلىس قىيامەت كۈنى) ئۇلار ئۈچۈن نادامەت (بائىسى) بولىدۇ
يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بىر جامائەت بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى ئەسلىمىسە / زىكىر قىلمىسا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا.»سالاۋات ئېيتمىسا، قىيامەت كۈنى ئۇ سورۇن ئۇلارغا ھەسرەت (مەنبەئى) بولىدۇ
دۇئانىڭ پەزىلىتى ھەققىدە: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە ، «ئىبادەتنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى»ئۈچۈن دۇئادىنمۇ ئېسىلراق بىرنەرسە يوقتۇر . ۋە «ئاللاھتىن سورىمىغانغا ئاللاھ غەزەپ قىلىدۇ» دېگەندۇئادۇر
كەرەمىنى تىلەڭلار، چۈنكى- يەنە بىر ھەدىستە: «ئاللاھ تائالادىن پەزل. ئاللاھ تائالا ئۆزىدىن بىرنەرسە تىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېيىلگەن
دۇئانىڭ ئەدەبلىرىدىن بىرى، يىل ئىچىدە ئەرەفات كۈنى، ئايلار ئىچىدە كۈندۈزنىڭ سۈبھى- رامازان ئېيى، كۈنلەر ئىچىدە جۈمە كۈنى ۋە بىر كېچە دەملىرى؛ ئەزان ۋە تەكبىر ئارىسى، نامازنىڭ كەينى، يامغۇر ياغقان، ئاللاھ، يولىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان، قۇرئان تامام بولغان ۋاقىتلار؛ سەجدە ئەسناسى ئىپتار ۋاقتى ۋە قەلبكە قورقۇنچ چۈشكەن دەملەرگە ئوخشاش شەرەپلىك ۋاقىتلاردا. دۇئا قىلىش، ئەمەلىيەتتە ئۇلۇغ ۋاقىتلار ئۇلۇغ ھاللار بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. مىسالچۈن سۈبھى ۋاقتى قەلب ساپ ۋە ئارىغ ۋاقىتتۇر. سەجدە ھالى ئىتائەت ۋە تەسلىمىيەت. ھالىدۇر
دۇئانىڭ ئەدەبلىرىدىن يەنە: قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش، دۇئا قىلغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش، قولى بىلەن يۈزىنى سىلاش ۋە دۇئادا ئاۋازىنى تۆۋەن قىلىش؛
دۇئانى ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالاۋات كەلتۈرۈش بىلەن باشلاش ۋە دۇئادا قاپىيەلىك دۇئا قىلىش ئۈچۈن زورۇقماسلىق؛
دۇئانىڭ يوشۇرۇن ئەدەبى — ئىجابەت بولۇشىنىڭ ئاساسى — (چىن دىلدىن) تەۋبە قىلىش ۋە ھەق ئىگىلىرىگە ھەققىنى بېرىشتۇر.
زىكىرلەر، پەزىلەتلىرى ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ۋاقىتلارغا ئاساسەن بۆلۈنۈشى
بىلگىنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى تونۇغاندا، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە چىنپۈتكەن ۋە ئۆمۈرنىڭ قىسقىلىقى ئىدراك قىلىنغاندا، بۇ كوتا ئۆمۈردە سۆرەلمىلىك قىلىشنى تاشلاش ۋاجىبتۇر. نەپس بىر تېمىغا مەركەزلىشىپ قالسا ھامان چارچايدۇ ۋە .زېرىكىدۇ. شۇڭا، ئۇنى تېمىدىن تېمىغا يۆتكەپ تۇرۇش نەپسنى راھەت تاپقۇزىدۇ ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: «ئەتىگەن-ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭغا كۆپ تائەت-ئىبادەت قىلغىن). كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت» «76ئىنسان-25-26». بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلەر كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالاغا يېتىشنىڭ يولى / تەسبىھۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە شۇ ۋاقىتلارنى توختىماي ۋىرد. ئوقۇش بىلەن قەدىرلەشتۇر
ھەقتائالا يەنە: «ئويلىنىپ ئۈگۈت ئالماقچى بولغانلار ياكى (نېئمەتلەرگە) شۈكۈر قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەرگۈچى ئاللاھتۇر» «25فۇرقان-62» دېگەن. يەنى بىرىدە قولدىن كېتىپ قالغان ئىبادەتلەرنىڭ يەنە بىرىدە تولۇقلىنىۋېلىشى ئۈچۈن كېچە ۋە كۈندۈز ئالمىشىپ تۇرىدۇ.
ئەمەل قىلىشقا يارايدىغان دەرىجىدە كۈچلىنىدۇ دەپ قارالغان. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل . ت—.519/22 ،»فەتاۋا ): ئەرەبچە «سۇ بويىغا ياكى بىر جايغا كەلمەك، سۇ ئۈلۈشى» دېگەن مەنىلەردەُا�لِوِْرُْد( ۋىرد
بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: بەندە ئۆزىگە ھەر كۈنى ياكى كېچىسى، ياكى مەلۇم ۋاقىتلاردا ۋەزىپە قىلىۋالغان قۇرئان تىلاۋىتى، زىكىر ۋە نامازغا ئوخشىغان ئەمەلدۇر. بۇ ئەمەل شۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان ياكى ئوقۇغۇچى ھەر كۈنى شۇ ئەمەلگە كېلىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. «كۈندىلىك تىلاۋەت ۋەزىپىسى» دېگەن . ت— .) ئاتالغۇسىمۇ گاھىدا مۇشۇ مەنىدە قوللىنىلىدۇُاِحلِْزُْب( مەنىدىكى ھىزب
كېچە ۋە كۈندۈز ۋىردلىرىنىڭ سانى ۋە رەت تەرتىبى كۈندۈزنىڭ ۋىردلىرى يەتتە، كېچىنىڭ ۋىردلىرى بولسا ئالتىدۇر.
ھەربىر ۋىردنىڭ پەزىلىتى، ۋەزىپىسى ۋە ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنى يادلىۋېلىش :كېرەك
كۈندۈزنىڭ بىرىنچى ۋىردى: سۈبھى سادىق يورۇغاندىن باشلاپ قۇياش چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى زىكىرلەر. بۇ ئۇلۇغ بىر ۋاقىت بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ۋاقىت بىلەن قەسەم قىلىپ: «يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن» «81تەكۋىر-18» دېگەن.
شۇڭا، ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگۈچى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، ئاللاھ تائالانى ياد (جىمى ھەمدۇسانالارُاَحْل� َÖم ُْدُ ِلِِهَّل� ِ ا�لَِذِي َأَْحْ�يَااَن�ا َبَ�ع َْدَ �م َا َأََمَاَتَ�نَا َوَِإَِلَ�يِْهِ لاُّنُُشُوُر« :ئېتىپ، بىزنى بەجايىكى ۋاپات تاپقۇزغاندىن كېيىن تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا بولسۇن قايتىدىغان جاي ئول ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر)» دېسۇن. ئىمام بۇخارىي رەسۇلۇللاھ. سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق زىكىر ئېيتقانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ
ئىمام مۇسلىم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەچ كىرسە: ‹أَمْسَيْنَا وَأَمْسَى الْمُلْكُ لِلَّهِ، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ، لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، رَبِّ أَسْأَلُكَ خَيْرَ مَا فِي هَذِهِ اللَّيْلَةِ وَخَيْرَ مَا بَعْدَهَا، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا فِي هَذِهِ اللَّيْلَةِ وَشَرِّ مَا بَعْدَهَا، رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْكَسَلِ وَسُوءِ الْكِبَرِ، رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابٍ فِي النَّارِ وَعَذَابٍ فِي الْقَبْرِ› (كەچ قىلدۇق، بارچە پادىشاھلىقمۇ ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ قىلدى. جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا بولسۇن، ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر، پۈتكۈل پادىشاھلىق ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەرنەرسىگە قادىردۇر. پەرۋەردىگارىم! سەندىن بۇ كېچىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كېچىلەردىكى ياخشىلىقلارنى سورايمەن. ساڭا سىغىنىپ بۇ كېچىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە بۇ كېچىدىن كېيىنكى كېچىنىڭ يامانلىقلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ ھۇرۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن، جەھەننەم ئازابىدىن ۋە قەبر ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن) دەيتتى. سەھەردە بولسا ‹أَمْسَيْنَا› دېگەن سۆزنى ‹أَصْبَحْنَا وَأَصْبَحَ الْمُلْكُ لِلَّهِ…› (بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، بارچە پادىشاھلىقمۇ ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزدى، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا بولسۇن…) دەپ ئالماشتۇرۇپ ئوقۇيتتى».
ئۈچ قېتىم: «بِسْمِ اللَّهِ الَّذِي لَا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ» (ئىسمىنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ زىيىنىدىن قوغدانغىلى بولىدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئۇ ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچىدۇر) دەيتتى.
ۋە ئۈچ قېتىم: «رَضِينَا بِاللَّهِ رَبًّا، وَبِالْإِسْلَامِ دِينًا، وَبِمُحَمَّدٍ رَسُولًا» (ئاللاھ تائالانى پەرۋەردىگار، ئىسلامنى دىن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر دەپ رازى بولدۇق) دەيتتى.
بامدات نامىزىدىن كېيىن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، باشقا گەپ قىلماي ئون قېتىم: «لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، يُحْيِي وَيُمِيتُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ» (ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر، پۈتۈن پادىشاھلىق ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر، بارلىق ھەمدۇسانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۇ ھەممىگە قادىردۇر) دەيتتى.
يەنە سەييىدۇل ئىستىغفارنى ئوقۇيتتى: «اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ، خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ، وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَيَّ، وَأَبُوءُ لَكَ بِذَنْبِي، فَاغْفِرْ لِي فَإِنَّهُ لَا يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا أَنْتَ» (ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىمسەن، سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، ساڭا ئىمان ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەرگەن ۋەدەمدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە چىڭ تۇرماقتىمەن، ساڭا سىغىنىپ ئۆزۈم قىلغان قىلمىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا بەرگەن نېئمەتلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھلىرىمنى ئىقرار قىلىمەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، چۈنكى گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن).
يەنە مۇنداق دەيتتى: «أَصْبَحْنَا عَلَى فِطْرَةِ الْإِسْلَامِ، وَكَلِمَةِ الْإِخْلَاصِ، وَعَلَى دِينِ نَبِيِّنَا مُحَمَّدٍ، وَعَلَى مِلَّةِ أَبِينَا إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا مُسْلِمًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ» (بىز ئىسلام پىترىتى بىلەن، ئىخلاس كەلىمىسى بىلەن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بىلەن ۋە ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا دىنى بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇق، ئۇ مۇسۇلمان ئىدى، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى).
شۇنداقلا مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «اللَّهُمَّ أَصْلِحْ لِي دِينِي الَّذِي هُوَ عِصْمَةُ أَمْرِي، وَأَصْلِحْ لِي دُنْيَايَ الَّتِي فِيهَا مَعَاشِي، وَأَصْلِحْ لِي آخِرَتِي الَّتِي فِيهَا مَعَادِي، وَاجْعَلِ الْحَيَاةَ زِيَادَةً لِي فِي كُلِّ خَيْرٍ، وَاجْعَلِ الْمَوْتَ رَاحَةً لِي مِنْ كُلِّ شَرٍّ» (ئى ئاللاھ! پۈتۈن ئىشلىرىمنىڭ تۈۋرىكى بولغان دىنىمنى ئىسلاھ قىلغىن، ياشىشىم ئۈچۈن كېرەكلىك دۇنيالىقىمنى تۈزەتكىن، بارار جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشى قىلغىن، ھاياتىمدا ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا مۇۋەپپەق ئەيلىگىن، ئۆلۈم ئارقىلىق مېنى دۇنيانىڭ پۈتكۈل يامانلىقلىرىدىن راھەتلەندۈرگىن).
يەنە ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دۇئاسى بىلەن دۇئا قىلىنىدۇ: «اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ، عَلَيْكَ تَوَكَّلْتُ، وَأَنْتَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ، مَا شَاءَ اللَّهُ كَانَ، وَمَا لَمْ يَشَأْ لَمْ يَكُنْ، لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ الْعَلِيِّ الْعَظِيمِ، أَعْلَمُ أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، وَأَنَّ اللَّهَ قَدْ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيْءٍ عِلْمًا، اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ نَفْسِي، وَمِنْ شَرِّ كُلِّ دَابَّةٍ أَنْتَ آخِذٌ بِنَاصِيَتِهَا، إِنَّ رَبِّي عَلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ» (ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ پەرۋەردىگارىمسەن، سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ساڭا تەۋەككۈل قىلدىم، سەن بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىسەن، ئاللاھ خاھلىغان ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، خاھلىمىغان ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، ئالىي ۋە بۈيۈك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. بىلىمەنكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر. ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن، سېنىڭ ئىگىدارچىلىقىڭدىكى ھەربىر جاندارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم توغرا يولدىدۇر).
بۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۈچۈن يادلاش زۆرۈر دۇئالاردۇر.
كىشى بامدات نامىزىغا چىقىشتىن ئالدىن سۈننەتنى ئۆيىدە ئوقۇغاي، ئاندىن مەسجىدكە يول ئالغاي ۋە مۇنداق دېگەي: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِحَقِّ السَّائِلِينَ عَلَيْكَ، وَأَسْأَلُكَ بِحَقِّ مَمْشَايَ هَذَا، فَإِنِّي لَمْ أَخْرُجْ أَشَرًا وَلَا بَطَرًا وَلَا رِيَاءً وَلَا سُمْعَةً، وَخَرَجْتُ اتِّقَاءَ سُخْطِكَ وَابْتِغَاءَ مَرْضَاتِكَ، فَأَسْأَلُكَ أَنْ تُعِيذَنِي مِنَ النَّارِ، وَأَنْ تَغْفِرَ لِي ذُنُوبِي، إِنَّهُ لَا يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا أَنْتَ» (ئى ئاللاھ! سەندىن تىلىگۈچىلەرنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى سەندىن تىلەيمەن، مۇشۇ قەدەملىرىمنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى سەندىن تىلەيمەن، مەن تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، رىيا ۋە شۆھرەت ئۈچۈن چىقمىدىم، سېنىڭ غەزىپىڭدىن ساقلىنىش ۋە سېنىڭ رازىلىقىڭنى تىلەپ چىقتىم، سەندىن مېنى دوزاختىن قۇتقۇزۇشىڭنى سورايمەن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن).
مەسجىدكە كىرگەندە «سەھىھۇ مۇسلىم»دە رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىنغان شۇ دۇئا ئوقۇلىدۇ: «قايسىبىرىڭلار مەسجىدكە كىرسە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام بەرسۇن، ئاندىن: ‹اللَّهُمَّ افْتَحْ لِي أَبْوَابَ رَحْمَتِكَ› (ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئىشىكلىرىڭنى ئاچقىن) دېسۇن، مەسجىدتىن چىققاندا: ‹اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ› (ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭ پەزلىڭدىن سورايمەن) دېسۇن». ئاندىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان زىكىر ۋە دۇئالار بىلەن دۇئا قىلغان ھالدا !جامائەتنى كۈتۈپ، بىرىنچى سەپنى كۆزلىگەي
بامدات نامىزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، نامازگاھتا كۈن چىققۇچە ئولتۇرۇش. مۇستەھەبتۇر
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ،ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا ئاندىن كۈن چىققۇچە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىپ ئولتۇرسا ۋە كۈن چىققاندىن كېيىن، ئىككى رەكئەت (چاشگاھ) ناماز ئوقۇسا ئۇنىڭغا تولۇق، تولۇق، تولۇق.»ئۆمرە ۋە ھەج قىلغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ
بۇ ۋاقىتنىڭ ۋەزىپىسى تۆتتۇر: دۇئا قىلىش، زىكىر ئېيتىش، قۇرئان ئوقۇش. ۋە تەپەككۇر قىلىش
قىلالىغان ئىبادەتلەرنى قىلىش، كۈندىلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا توسقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە ياخشىلىقتىن بۇرىغۇچى ئامىللاردىن قانداق ساقلىنىش ھەققىدە ئويلىنىش ھەمدە شۈكۈرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ھەققىدە !تەپەككۇر قىلىش كېرەك
كۈندۈزنىڭ ئىككىنچى ۋىردى: بۇ كۈن چىقىپ چاشگاھ ۋاقتىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىردتۇر. يەنى كۈندۈزدىن ئۈچ سائەتلىك بىر زامان بولۇپ، ئەگەر ) ىگە تەڭ1⁄4( سائەتكۈندۈزدىن ئۈچ سائەتلىك بىر زامان بولۇپ، ئەگەر «كۈندۈز 12 سائەت» دەپ پەرەز قىلىنسا، بۇ ئۇنىڭ تۆتتىن بىر (1/4) ئىگە تەڭ بولىدۇ.
تولىمۇ ئۇلۇغ بىر ۋاقىتتۇر. بۇ ئۇلۇغ ۋاقىتتا ئىككى ۋەزىپە بار: بىرى، چاشگاھ نامىزى؛ يەنە بىرى، كېسەل يوقلاش، جىنازىغا بېرىش، ئىلىم مەجلىسلىرىگە قاتنىشىش ياكى بىرەر مۇسۇلماننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش دېگەندەك كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىبادەتلىرىدۇر. ئەگەر بۇ ئىبادەتلەردىن بىرەرسىنى قىلالمىسا قۇرئان. ئوقۇغاي ۋە زىكىر ئېيتقاي
كۈندۈزنىڭ ئۈچىنچى ۋىردى: چاشگاھ ۋاقتىدىن باشلاپ، كۈن قايرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىرد بولۇپ، تۆت قىسىم ۋە بۇنىڭغا قوشۇپ يەنە ئىككى :ۋەزىپە بار
كار ۋە تىرىكچىلىك قىلىش، بازارغا بېرىش. يەنى ئەگەر- بىرى، كەسىپ سودىگەر بولسا، راستگۇيلۇق ۋە ئامانەتدارلىق بىلەن تىجارەت قىلىش؛ ئەگەر ھۈنەرۋەن بولسا، سەمىمىي ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ھۈنەر قىلىش؛ بارلىق ئىشلىرىدا. ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق ۋە ئازغا قانائەت قىلىش قاتارلىقلار
يەنە بىرى، قەيلۇلە (يېنىك چۈشلۈك دەم ئېلىش). سوھۇرلۇق كۈندۈز روزىسىغا ياردەم بەرگىنىدەك، قەيلۇلە كېچە قىيامىغا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر كىشى پېشىن ۋاقتى كىرمەستە ئۇخلىغان بولسا، نامازغا تەييارلىق قىلغۇدەك ۋاقتى بولۇشى !ئۈچۈن زاۋال ۋاقتىدىن بۇرۇن ئويغىنىشقا تىرىشسۇن
، سائەت بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچتىن بىرىدە24 كۈندۈز- بىلگىنكى، بىر كېچە يەنى سەككىز سائەت ئۇخلاش مۇۋاپىقتۇر. بۇنىڭدىن ئاز ئۇخلىغاندا بەدەن تەڭپۇڭسىزلىشىشى مۇمكىن. سەككىز سائەتتىن كۆپ ئۇخلىغان كىشىدە ھۇرۇنلۇق كۈچىيىدۇ. كېچىدە سەككىز سائەتتىن كۆپ ئۇخلىغان كىشى كۈندۈزدە ئۇخلىماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئاز ئۇخلىغان بولسا كۈندۈزى كېچىدە .كەم قالغان ئۇيقۇنى تولۇقلىۋالسا بولىدۇ
كۈندۈزنىڭ تۆتىنچى ۋىردى: كۈن تىكلەشكەندىن باشلاپ پېشىننى ئوقۇپ بولغۇچىلىك ئارىلىقتىكى ۋىرد بولۇپ، بۇ كۈندۈز ۋىردىنىڭ ئەڭ قىسقىسى ۋە ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشى بۇ ئەسنادا ئەزان چىقسا، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى سۆزمۇسۆز تەكرارلايدۇ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تۆت رەكئەت، ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ تۆت رەكئەت نامازنى ئۇزۇنراق ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. چۈنكى . ئاندىن پېشىنپېشىن نامىزى ۋاقتىدىن تاكى پېشىننىڭ پەرىزى ۋە سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغۇچە بولغان ۋاقىتتۇر. بۇ ۋاقىتتا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، پېشىننىڭ سۈننىتىدىن كېيىن تۆت رەكئەت نەپلە ناماز. ئوقۇيدۇ
كۈندۈزنىڭ بەشىنچى ۋىردى: پېشىندىن كېيىن ئەسىر ۋاقتىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىردتۇر. بۇ ۋاقىتتا زىكىر ئېيتىش، ناماز ۋە باشقا تۈرلۈك ياخشى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش مۇستەھەبتۇر. بىر نامازنى ئوقۇپ بولۇپ كېيىنكى .نامازنى كۈتۈش ئەڭ ئەۋزەل ئەمەللەر قاتارىدىندۇر
كۈندۈزنىڭ ئالتىنچى ۋىردى: ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرىپ قۇياش سارغايغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىردتۇر. بۇ ۋاقىتتا ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا ئوقۇلىدىغان تۆت رەكئەت نامازدىن باشقا ناماز يوق. بۇ تۆت رەكئەت نامازدىن كېيىن ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزى ئوقۇلىدۇ. ئاندىن بىرىنچى ۋىردتە تىلغا ئېلىنغان تۆت تۈر ئىبادەت: دۇئا، زىكىر، قۇرئان ۋە تەپەككۇر بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا. قۇرئاننى پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە چۈشىنىپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر
كۈندۈزنىڭ يەتتىنچى ۋىردى: قۇياش سارغايغاندىن تارتىپ پاتقۇچە بولغان — ئارىلىقتىكى زىكىرلەر بولۇپ، بۇ شەرەپلىك ۋاقىتتۇر. ھەسەن ئەلبەسرىي : «سەلەف سالىھلەر كېچىنىڭ ئەۋۋىلىنى— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدىن بەكرەك ئۇلۇغ ۋاقىت، دەپ قارايتتى» دېگەن. بۇ ۋاقىتتا. تەسبىھ ئېيتىش، بولۇپمۇ ئىستىغپار ئېيتىش مۇستەھەبتۇر
قۇياشنىڭ پېتىشى بىلەن كۈندۈزنىڭ ۋىردلىرى ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا، بەندە ،ئۆز ئەھۋالىنى مۇلاھىزە قىلىشى، ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىشى كېرەك. چۈنكى .ئاللاھ يولىدا شۇ كۈنلۈك يولۇچىلىقىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئۆتۈپ كەتكەندۇر بىرلەپ- بەندە بىلسۇنكى، ئۆمۈر بىرنەچچە كۈندىنلا ئىبارەت ۋە شۇ كۈنلەر بىر. ئۆتۈپ، ھايات (تېزلا) ئۆز ئىنتىھاسىغا يېتىدۇ
!: «ئى ئادەم بالىسى— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— ھەسەن ئەلبەسرىي ھاياتىڭ ساناقلىق كۈنلەردىن ئىبارەتتۇر! ئۆمرۈڭدىن بىر كۈن ئۆتسە، جىسمىڭدىن. بىر مىقدار ئۆكسىيدۇ» دېگەن
بەندە ئويلانسۇنكى، بۈگۈنى بىلەن تۈنۈگۈنى ئوخشاش ئۆتتىمۇ؟ ئەگەر كۈندۈزى مول ياخشىلىق بىلەن ئۆتكەن بولسا، بۇ بارىدا ئۆزىگە ئۇتۇق بەرگەن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا شۈكۈر قىلسۇن! ئەكسى ھالدا تەۋبە قىلسۇن ۋە كۈندۈز قولدىن بېرىپ قويغانلىرىنى كېچىدە تولۇقلاشقا تىرىشسۇن! چۈنكى، ھەقىقەتەن ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى دەفئ قىلىدۇ؛ بەندە تەن ساقلىقى ۋە كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىۋېلىش ئۈچۈن پۇرسەت مىقدارى ئۆمۈر بەرگەن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلسۇن! سەلەفلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر كۈنىنى سەدىقە بېرىش بىلەن ئۆتكۈزۈشىنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئىمكانقەدەر بارلىق ياخشىلىقلارنى قىلىشقا. تىرىشاتتى
كېچە ۋىردلىرىنىڭ بايانى
بىرىنچىسى: قۇياش پاتقاندىن باشلاپ خۇپتەن ۋاقتىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىرد. يەنى قۇياش پاتقاندا بەندە شام نامىزىنى ئوقۇيدۇ ۋە شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە: «ئۇلارنىڭ بېقىنلىرى ئورۇن-كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)» «32سەجدە-16» دېگەن ئايەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرى ھەققىدە چۈشكەن بولۇپ، ئۇلار شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدا ناماز ئوقۇيتتى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ناماز شامدىن كېيىن ئالتە رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇسا يىللىق ئىبادەتنىڭ ئەجرى12 ۋە ئوتتۇرىلىقىدا يامان سۆز سۆزلىمىسە، ئۇ كىشىگە يېزىلىدۇ» دېگەن
ئىككىنچىسى: شەپەق قىزىللىقى غايىب بولۇپ، يەنى خۇپتەننىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىن ئۇيقۇ ۋاقتىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىرد بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا ئەزان بىلەن قامەت ئارىسىدا مۇمكىنقەدەر كۆپ ناماز ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. بۇ ئەسنادا «سەجدە» ۋە «مۈلك» سۈرىلىرى ئوقۇلىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ .ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇماي ئۇخلىمايتتى
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ھەر كېچە سۈرە ‹ۋاقىئە›نى ئوقۇسا كەمبەغەللىك يۈزى كۆرمەيدۇ» دېگەن.
ئۈچىنچىسى: كېچە قىيامدا تۇرۇشقا ئادەتلەنمىگەن بولسا، ئۇخلاشتىن ئالدىن ۋىتىر نامىزى ئوقۇش. ئەگەر كېچىدە قىيامدا تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولسا، ۋىتىر نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشى ئەۋزەلدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر، سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىتىرنى كېچىنىڭ ھەر ۋاقتىدا، يەنى دەسلىپىدىمۇ ئوتتۇرىسىدىمۇ، ئاخىرىسىدىمۇ ئوقۇغان، ھەتتا كېيىنكى كۈنلەردە سەھەر ُِسُْبَْحَاَنَ اَمْل� َ�لِِك« :. ۋىتىردىن كېيىن ئۈچ قېتىمۋاقتىدىلا ئوقۇغان» دېگەن نۇقسانلاردىن پاك، ھەقىقىي پادىشاھ بولغان ئاللاھ- (بارلىق ئەيىبِاْلْ�ق ُُّدُوِس. پاكتۇر)» دېيىلىدۇ
،تۆتىنچى ۋىرد: ئۇيقۇدۇر. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇخلاشمۇ بىر ۋىردتۇر. چۈنكى ئەدەبىگە رىئايە قىلىپ ۋە كۆڭۈلگە ئېزگۈ نىيەتنى پۈكۈپ ئۇخلىغان ئۇيقۇدىنمۇ ئىبادەت ساۋابى كۈتۈلىدۇ. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن تۇرغان قىيامىمدىن. ساۋاب كۈتكىنىمدەك، ئۇيقۇمدىنمۇ ساۋاب ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن
ئۇيقۇنىڭ ئەدەبلىرىدىن بىرى: تاھارەت بىلەن ئۇخلاش؛ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇب.»ھالدا ئۇخلىماقچى بولسا، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: «روھلار ھەقىقەتەن ئۇيقۇدىكى ھالىتىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئەرشنىڭ قېشىدا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇ چاغدا تاھارەتلىك بولغان روھ ئەرشنىڭ قېشىغا.»سەجدە قىلىدۇ، تاھارەتسىز بولغان روھ ئەرشتىن يىراق ھالدا سەجدە قىلىدۇ
،ئۇيقۇنىڭ ئەدەبلىرىدىن يەنە: ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا تەۋبە قىلىش؛ چۈنكى تېشىنى پاكلىغان كىشى ئىچىنىمۇ پاكلىشى كېرەك، بەلكىم كىشى ئۇيقۇ ھالىدا ئۆلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. قەلبىدىن بىر مۇسۇلمانغا بولغان ئۆچمەنلىكنى يوقىتىش، مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلىشنى ئويلىماسلىق ۋە ئويغانغان چاغدا گۇناھ ئۆتكۈزمەسلىككە نىيەت قىلىش؛
ۋەسىيەت قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلىرى بولسا، ئۇخلاشتىن ئالدىن ۋەسىيەتنى يېزىپ، قېشىدا قويۇپ ئۇخلاش؛ «سەھىھەين»دە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ :ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ۋەسىيەت قىلغۇدەك نەرسىسى بار تۇرۇپ، ئىككى كېچىنى ئۆتكۈزگەن بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى دەرھال ۋەسىيىتىنى يېزىپ يېنىدا ساقلاشتۇر» دېگەن.
تۆشەكلەردە ياتماسلىق كېرەك. چۈنكى، بۇ ئۇيقۇنى- راھەت ۋە يۇمشاق كۆرپە ئاشۇرىدۇ. دەرۋەقە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىككى قات كۆرپە سېلىپ بېرىلگەندە، ئۇ زات: «بۇنداق تۆشەكتە يېتىش مېنى كېچە نامازىدىن. توسۇپ قويدى» دېگەنىكەن، ئېغىر ئۇيقۇ تۇتمىغۇچە ئۇخلىماسلىقمۇ ئۇيقۇنىڭ ئەدەبلىرىدىندۇر. چۈنكى .سەلەفلەر ئۇيقۇ باسمىغۇچە ئۇخلىمايتتى
قىبلىگە يۈزلىنىپ يېتىش ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى ئوقۇپ، ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ئۇخلاش ئۇيقۇنىڭ ئەدەبلىرىدىندۇر. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىن بىرىدە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىرىڭلار كۆرپىسىگە كەلسە، ئىزارىنىڭ ئىچ تەرىپى بىلەن كۆرپىسىنى تۇتۇپ قېقىۋەتسۇن. چۈنكى، ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن كۆرپىسىگە نېمە چۈشكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئاندىن ياتقاندا: ‹بِاسْمِكَ رَبِّي وَضَعْتُ جَنْبِي وَبِكَ أَرْفَعُهُ، إِنْ أَمْسَكْتَ نَفْسِي فَارْحَمْهَا، وَإِنْ أَرْسَلْتَهَا فَاحْفَظْهَا بِمَا تَحْفَظُ بِهِ عِبَادَكَ الصَّالِحِينَ› (ئى پەرۋەردىگارا! سېنىڭ نامىڭ بىلەن ياتتىم، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا قوپالايمەن، ئەگەر جېنىمنى تۇتۇپ قالساڭ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغايسەن، ئەگەر ئۇنى قويۇۋەتسەڭ، ئۇنى سالىھ بەندىلىرىڭنى ساقلىغاندەك ساقلىغايسەن) دېسۇن» دېگەن.
شۇنداقلا «سەھىھەين»دە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچە يېتىشتىن ئالدىن ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ، ‹قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ›، ‹قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ› ۋە ‹قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ› سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئىچىگە سۈفلەيتتى، ئاندىن ئالقانلىرى بىلەن بېشى، يۈزى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلاپ سىلاپ، بەدىنىنى قولى يەتكەن يەرلىرىگىچە سىلايتتى. بۇنى ئۈچ قېتىم قىلاتتى».
بەرائ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ياتار بولساڭ، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ ياتقىن، ئاندىن: ‹اللَّهُمَّ أَسْلَمْتُ نَفْسِي إِلَيْكَ، وَوَجَّهْتُ وَجْهِي إِلَيْكَ، وَفَوَّضْتُ أَمْرِي إِلَيْكَ، وَأَلْجَأْتُ ظَهْرِي إِلَيْكَ، رَغْبَةً وَرَهْبَةً إِلَيْكَ، لَا مَلْجَأَ وَلَا مَنْجَا مِنْكَ إِلَّا إِلَيْكَ، آمَنْتُ بِكِتَابِكَ الَّذِي أَنْزَلْتَ، وَبِنَبِيِّكَ الَّذِي أَرْسَلْتَ› (ئى ئاللاھ! نەپسىمنى ساڭا تەسلىم قىلدىم، يۈزۈمنى ساڭا قاراتتىم، ئىشىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىڭدىن قورقۇپ ساڭا يۆلەندىم. سېنىڭ ئازابىڭدىن پاناھلىنىدىغان جاي ۋە نىجاتلىق مەنزىلى پەقەت سېنىڭ دەرگاھىڭدىدۇر. چۈشۈرگەن كىتابىڭغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە ئىمان ئېيتتىم) دېگىن، ئەگەر سەن شۇ كېچىدە ئۆلۈپ كەتسەڭ، ئىسلام پىترىتى ئۈستىدە ئۆلگەن بولىسەن. ئەگەر تاڭ ئاتقۇزساڭ، ياخشىلىققا ئېرىشىسەن» دېگەن.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ بىلەن فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىككىسىگە: «ئىككىڭلار يېتىشقا تەمشىلگىنىڭلاردا، ئاللاھقا 33 قېتىم تەسبىھ، 33 قېتىم ھەمد ۋە 34 قېتىم تەكبىر ئېيتىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن بىر خىزمەتچىدىنمۇ ياخشىدۇر» دېگەن.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان رامازاندا زاكات ساقلاش ھەققىدىكى مەشھۇر ھەدىستە، شەيتان ئۇنىڭغا: «سەن يېتىشتىن بۇرۇن ئايەتۇلكۇرسىينى ئوقۇغىنكى، سېنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن دائىما بىر قوغدىغۇچىڭ بولىدۇ، ساڭا شەيتان يېقىنلىشالمايدۇ» دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇنى خەۋەر قىلغاندا، ئۇ زات: «بىلگىنكى، ئۇ بەك يالغانچى تۇرۇپمۇ ساڭا راست سۆزلەپتۇ، ئۇ شەيتاندۇر» دېدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرپىسىگە كەلگەندە مۇنداق دەيتتى: «الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَطْعَمَنَا وَسَقَانَا، وَكَفَانَا وَآوَانَا، فَكَمْ مِمَّنْ لَا كَافِيَ لَهُ وَلَا مُؤْوِيَ» (بىزگە تائام بەرگەن، بىزنى سۇغارغان، بىزگە كۇپايە قىلغان ۋە ئورۇن بەرگەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. كۇپايە قىلغۇچىسى ۋە ئورۇن بەرگۈچىسى يوق كىشىلەرمۇ كۆپتۇر).
تەھەججۇد نامىزىغا ئويغانغاندا، سۈرە «ئال ئىمران»نىڭ ئاخىرقى ئون ئايىتى ئوقۇلىدۇ. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بولۇپ، ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان.
ھەدىستە: «كېچە ئاخىرىنىڭ قىرائىتىگە پەرىشتىلەر قاتنىشىدۇ» دېيىلگەن.
تاۋۇس ئىبنى كەيسان — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — سۈبھى ۋاقتىدا بىر كىشىنى ئىزدەپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ ئۇخلاپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ: «مەن بىر كىشىنىڭ سەھەر ۋاقتىدا ئۇخلايدىغانلىقىنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن» دېگەن.
ۋىردلەرنى داۋاملاشتۇرۇش مۇھىمدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنىدۇر» دېگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تەھەججۇدنى قولدىن بەرمەڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەردىن بۇرۇنقى سالىھلەرنىڭ ئادىتى ئىدى، پەرۋەردىگارىڭلارغا يېقىنلاشتۇرغۇچى، يامانلىقلارنى ياپقۇچى ۋە گۇناھلاردىن توسقۇچىدۇر» دېگەن.
ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي ئېيتۇر: «كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگۈچىلەر تاماشا بىلەن ئۆتكۈزگۈچىلەردىنمۇ بەكرەك لەززەت ئالىدۇ، ئەگەر كېچە بولمىغان بولسا، مەن دۇنيا ھاياتىنى ئىستىمىگەن بولار ئىدىم».
«سەھىھۇ مۇسلىم»دىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن كېچىدە بىر سائەت بولۇپ، مۇسۇلمان بەندە ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىقنى سورىغان ھالەتتە شۇ سائەتكە مۇۋەپپەق بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا سورىغىنىنى بېرىدۇ. بۇ سائەت ھەممە كېچىدە باردۇر» دېگەن.
كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئاۋاتلاشتۇرۇشنىڭ بىرنەچچە دەرىجىسى بار:
بىرىنچى دەرىجە: پۈتۈن كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئىھيا قىلىش. بەزى سەلەف. سالىھلەردىن شۇنداق ئادەت رىۋايەت قىلىنىدۇ
ئىككىنچى دەرىجە: كېچىنىڭ يېرىمىدا قىيامدا تۇرۇش، بۇمۇ بەزى سەلەفلەردىن ئۇدۇم. بۇنىڭدا كېچىنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچتىن بىرى بىلەن ئاخىرقى ئالتىدىن بىرىدە .ئۇخلاش ياخشى
ئۈچىنچى دەرىجە: كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە قىيامدا تۇرۇش. بۇنىڭدا كېچىنىڭ
ئاۋۋالقى يېرىمىدا ۋە ئاخىرقى ئالتىدىن بىرىدە ئۇخلاش كېرەك. بۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامىدۇر. «سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئەڭ ياقتۇرىدىغان ناماز داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىدۇر، داۋۇد ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتتى، (ئاندىن) كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە قىيامدا تۇراتتى ۋە كېچىنىڭ . كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئۇخلاش»(قالغان) ئالتىدىن بىرىدە ئۇخلايتتى ياخشى. چۈنكى، بۇ ئۇيقۇ ئەتىگەنلىك مۈگىدەكنى يوقىتىدۇ ۋە يۈزدىكى .سېرىقلىقنى ئازايتىدۇ
تۆتىنچى دەرىجە: كېچىنىڭ ئالتىدىن بىرى ياكى بەشتىن بىرىدە قىيامدا تۇرۇش. بۇنىڭدا كېيىنكى يېرىم كېچە ئەۋزەل. كېچىنىڭ ئاخىرقى ئالتىدىن. بىرىدە قىيامدا تۇرۇشنى ئەۋزەل سانايدىغانلارمۇ بار، بەشىنچى دەرىجە: قىيامدا تۇرۇش ۋاقتىنى چىڭ مۇقىمدىۋالماسلىق. چۈنكى .ۋاقىتنى مۆلچەرلەپ قويۇپ، رىئايە قىلىش قىيىندۇر
ۋاقىتنى مۇقىمىدىماي قىيامدا تۇرۇشنىڭ ئىككى تۈرلۈك يولى بار:
بىرى: كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇيقۇ كەلگەنگە قەدەر ناماز ئوقۇش، ئاندىن ئۇخلاش، ئاندىن ئەگەر ئويغانسا يەنە ناماز ئوقۇش، ئاندىن ئۇيقۇ تۇتسا يەنە ئۇخلاش، بۇ چوڭ بىر مۇشەققەتنى كۆتۈرگەنلىك، شۇنداقلا سەلەف سالىھلەردىن. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئادىتى ئىدى
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئەگەر كېچىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى نامازخان ھالەتتە كۆرۈشنى خاھلىساق، ئۇ زاتنى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا كۆرەتتۇق. ئەگەر ئۇخلاۋاتقان ھالدا كۆرۈشنى خاھلىساق، ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرەتتۇق» دېگەن.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىدە ئاللاھ خاھلىغىنىچە ناماز ئوقۇيتتى، ھەتتا !كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمى كەلگەندە، ئەھلىنى ئويغىتاتتى ۋە: «ناماز ئوقۇڭلار. ناماز ئوقۇڭلار!» دەيتتى
زەھھاك — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنداق كىشىلەرنى ئۇچراتتىمكى، ئۇلار كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ئۇزۇن ئۇخلاشتىن ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلاتتى».
يەنە بىرى: كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇخلاپ ئۇيقۇ نېسىۋېسىنى ئالغاندىن كېيىن. ئويغىنىپ، كېچىنىڭ قالغان قىسمىدا قىيامدا تۇرۇش
سۇفيان سەۋرىي مۇنداق دېگەن: «بىرىنچى ئۇيقۇمنى ئۇخلاپ ئويغانسام، قايتا ئۇخلىمايمەن». ئالتىنچى دەرىجە: تۆت رەكئەت ياكى ئىككى رەكئەت مىقدارىدا قىيامدا تۇرۇش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كېچىدە ناماز ئوقۇڭلار، تۆت. رەكئەت بولسىمۇ، ئىككى رەكئەت بولسىمۇ ئوقۇڭلار…» دېگەن.
«سۈنەنى ئەبى داۋۇد»دىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى كېچىدە ئويغانسا ۋە ئايالىنى ئويغاتسا، ئاندىن ھەر ئىككىسى بىرلىكتە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا، ئىككىسى شۇ كېچىدە ‹ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەن ئەرلەر ۋە ئاياللار› «33ئەھزاب-35» قاتارىدىن يېزىلىدۇ» دېگەن.
ئەھلىنى كېچىدە— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— تەلھە ئىبنى مۇسەررىف، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى ۋە: «ئىككى رەكئەت بولسىمۇ ناماز ئوقۇڭلار. چۈنكى .كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئوقۇغان ناماز گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ» دەيتتى
يەتتىنچى دەرىجە: كېچىنى تەقسىملەش يوللىرى. ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگۈچى ئۆزىگە ئاسان يولنى تاللىسۇن! ئەگەر كىشى ئۈچۈن كېچىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قىيامدا تۇرۇش قىيىن كەلسە، كىشى شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدىكى ۋاقىتنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسۇن ۋە سەھەر زىكىرلىرىنى داۋاملاشتۇرسۇن. شۇندىلا، ئۇ .ئاخشام ۋە سەھەردىن ئىبارەت ئىككى ۋاقىتتا قىيامدا تۇرغان بولىدۇ
كېچىدە تاھارەت ئېلىش ئېغىر كەلگەن كىشى ھەققىدە
كېچىدە تاھارەت ئېلىش ۋە ناماز ئوقۇش ئېغىر كەلگەن كىشى قىبلىگە يۈزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلسۇن ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە دۇئا قىلسۇن. ئەگەر ئولتۇرالمىسا يېتىپ دۇئا قىلسۇن. كېچە زىكىرلىرىنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان، ئەمما قاتتىق ئۇيقۇ تۇتۇپ زىكىرلىرىنى ئوقۇيالمىغان كىشى ئۇنى ھەدىسكە بىنائەن چاشگاھ نامىزىدىن كېيىن ئوقۇسۇن.
كېچىدە قىيامدا تۇرۇش ئادىتى بار كىشى ئادىتىنى تاشلىمىسۇن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا: «سەن پالانىغا ئوخشاش بولمىغىن، ئۇ كېچىدە قىيامدا تۇراتتى، كېيىن ئۇ ئادىتىنى تاشلىدى» دېگەن
پەزىلەتلىك كېچىلەر ۋە كۈندۈزلەر
ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگۈچىلەر ئۈچۈن تولىمۇ غەنىيمەت، خۇددى قابىل سودىگەرنىڭ تازا تاپاۋەت قىلىدىغان پەسلىگە ئوخشايدىغان، پەزىلىتى تولىمۇ مول، ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش بەكمۇ ياخشى ئون بەش كېچە بار. بۇ كېچىلەرنىڭ ئالتىسى مۇبارەك رامازان ئېيىغا جەملەنگەن بولۇپ، ئۇلار: رامازاننىڭ كېچىسى ۋە ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى قەدر كېچىسى ئىزدىلىدىغان بەش تاق- 17 - 10 ۋە- 1 كېچىدۇر. قالغان توققۇز كېچە يىلنىڭ بېشىدىن مۇھەررەمنىڭ كېچىسى (مىئراج)؛- 27 ۋە- 15 ،) (رەغايىب- 1 كېچىسى (ئاشۇرا)؛ رەجەبنىڭ كېچىسى (روزا ھېيت)؛- 1 كېچىسى (بارات)؛ شەۋۋالنىڭ- 15 شەئباننىڭ (قۇربان ھېيت) كېچىسى قاتارلىقلار. بۇ- 10 (ئەرەفات) ۋە- 9 زۇلھەججەنىڭ كېچىلەرنىڭ بەزىسىدە ناماز ئوقۇش توغرۇلۇق ھەدىسلەر كەلگەن، لېكىن بۇ .كېچىلەرگە خاس ناماز توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىس يوق
پەزىلەتلىك كۈندۈزلەر: كېچىسىمۇ مۇبارەك بولغان ئاشۇرا كۈنى؛ جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان كۈن؛ مىئراج كۈنى؛ بەدر غازىتى زەپەر بىلەن تاماملانغان رامازاننىڭ 17-كۈنى؛ بارات كۈنى؛ جۈمە، ئىككى ھېيت كۈنى؛ قۇرئاندا «مەلۇم كۈنلەر» «22ھەج-28» دەپ تىلغا ئېلىنغان ئەرەفاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زۇلھەججەنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى ھەمدە قۇرئاندا «ساناقلىق كۈنلەر» «2بەقەرە-203» دەپ زىكىر قىلىنغان، تەشرىق كۈنلىرى — قۇربان ھېيتنىڭ 2-، 3- ۋە 4- كۈنلىرى قاتارلىق جەمئىي 19 كۈندۇر.
ھەپتە ئىچىدە: دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى ۋە ئايدا بىر كېلىدىغان تولۇن كۈنلىرى) ئۇدۇل كەلگەن- 15 ۋە- 14 ،- 13 ئايلىق كۈنلەر (ھىجرىي ئاينىڭ 13-، 14- ۋە 15- كۈنلىرى) ئۇدۇل كەلگەن كۈنلەردۇر.
ھەپتە كۈنلىرى پەزىلەتلىك كۈنلەردۇر. بۇ كۈنلەرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە «روزا» بابىدا بايان قىلىندى. خوش، ۋىردلەر بابى مۇشۇ يەردە تاماملاندى ۋە ئىبادەتلەر قىسمى ئاخىرلاشتى. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
ئىزاھاتلار:
- 3792( )؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئىبنى ماجە10988( ئەھمەد. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن
- تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە3378( )؛ تىرمىزىي2700( مۇسلىم. ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى
- ئەھمەد (9040)؛ ئەبۇ داۋۇد (4855)، شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
- ئەھمەد (9947)؛ ئىبنى ھىببان (591)، شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
- تىرمىزىي (3370)؛ ئىبنى ماجە (3829)؛ ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
- بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد» (713)؛ ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
- ئەھمەد (9699)؛ تىرمىزىي (3373)؛ ئەبۇ يەئلا (6655)؛ ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
- تىرمىزىي (3571)؛ ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 3278): «زەئىف» دېگەن.
- بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى دېگەندەك بىر ياكى ئىككى ئەمەس، يەتتە ساھابىدىن رىۋايەت قىلىنغان يەتتە ھەدىس ۋە سەلەفلەرنىڭ ئەمەلىي ئىزلىرى كەلگەن.
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6312)؛ مۇسلىم (2711).
- مۇسلىم (2723)؛ ئەبۇ داۋۇد (5071)؛ تىرمىزىي (3390).
- ئەبۇ داۋۇد (5072)؛ تىرمىزىي (3385)؛ ئىبنى ماجە (3869)؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
- ئەبۇ داۋۇد (5074)؛ تىرمىزىي (3389)؛ ئىبنى ماجە (3870)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر» (17225)؛ ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2686): «ھەسەن» دېگەن.
- تىرمىزىي (3470)؛ ئالبانىي («تامامۇل مىننە»، 228 – 229-بەتلەر): «سەھىھ» دېگەن.
- بۇخارىي (6306)، شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
- ئەھمەد (15397)؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
- مۇسلىم (2720).
- تەبەرانىي: «ئەددۇئا» (343)؛ ئىراقىي ۋە ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
- ؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن15397( ئەھمەد
- 2720( مۇسلىم
- ئىراقىي ۋە ئالبانىيلەر: «زەئىف» دېگەن343( ،»تەبەرانىي: «ئەددۇئا
- ؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلەر: «زەئىف» دېگەن778( )؛ ئىبنى ماجە11172( ئەھمەد
- 713( مۇسلىم
- «سەھىھ» دېگەن6346 ،»)؛ ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ586( تىرمىزىي
- :ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى رەكئەتتىن كېيىن ئارىلىقتا سالام بەرمەي ئوقۇلغان تۆت :). ئالبانىي1270( رەكئەت ناماز ئۈچۈن ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد
- «ھەسەن» دېگەن585 ،»(«سەھىھۇتتەرغىب
- ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن1326( ئەبۇ داۋۇد
- ») «بەك زەئىف5661 ،»). ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ1374( )؛ ئىبنى ماجە435( تىرمىزىي. دېگەن
- «سەھىھ» دېگەن4873 ،»). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ2892( )؛ تىرمىزىي14700( ئەھمەد
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4341)؛ مۇسلىم (1733).
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (996)؛ مۇسلىم (745).
- نەسائىي (1699)؛ ئالبانىي («سەھىھۇ سۈنەنىننەسائىي»، 1604): «سەھىھ» دېگەن.
- بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (2268)؛ ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 5773): «زەئىف» دېگەن.
- مۇسلىم (305).
- بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (2527)؛ ھەكىم تىرمىزىي: «نەۋادىرۇل ئۇسۇل» (3/116)، سەنەدى زەئىف.
- ت. جۇنۇب: ئەرەبچىدە «ساقلانغۇچى، يىراق تۇرغۇچى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا ئېھتىلام بولغان ياكى جىما قىلغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھالغا «جەنابەت» دېيىلىدۇ.
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6320)؛ مۇسلىم (2714).
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2738)؛ مۇسلىم (1627).
- تىرمىزىي: «ئەششەمائىل»، 188-بەت؛ ئەبۇششەيخ: «ئەخلاقۇننەبىي»، 137-بەت؛ ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 4223): «زەئىف» دېگەن.
- ت. ئىزار: بەلنىڭ ئاستىنى پۇتقىچە تولۇق يۆگەيدىغان كىيىم.
- بۇخارىي (5017).
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (247)؛ مۇسلىم (2710).
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3113)؛ مۇسلىم (2727).
- بۇخارىي (5010).
- مۇسلىم (2715).
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4569)؛ مۇسلىم (763)، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
- ئەھمەد (21595)؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
- بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (2828)؛ ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 1022): «زەئىف» دېگەن.
- مۇسلىم (768).
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1140)؛ مۇسلىم (738).
- مۇسلىم (746).
- تىرمىزىي (3549)؛ ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
- مۇسلىم (757).
- 757( مۇسلىم
- مالىك (259).
- بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1131)؛ مۇسلىم (1159)
- 1141( بۇخارىي
- ئەبۇ داۋۇد (1451)؛ نەسائىي (1309)؛ ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 6030): «سەھىھ» دېگەن.
- بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (2945)؛ ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئۇسسەغىر»، 3488): «مۇرسەل» دېگەن.
- ،): «كىمكى كېچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئادا قىلالماي747( مۇسلىم ئۇنى ئەتىسى بامدات بىلەن پېشىننىڭ ئارىلىقىدا ئادا قىلىۋالسا، خۇددى ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا»