تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت: ...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى
كونا ھۆججەتلەرنى تازىلاپ ئەڭ يېڭى مەزمۇنلارنى يۈكلەيدۇ

3-قىسىم: ھالاك قىلغۇچى ئىشلار

ئۈچىنچى قىسىم: ھالاك قىلغۇچى ئىشلار

بۆلۈم: “ئۈچىنچى قىسىم: ھالاك قىلغۇچى ئىشلار”

ئون تۆتىنچى بۆلۈم: قەلبنىڭ ئاجايىپ ھاللىرى

بۆلۈم: “ئون تۆتىنچى بۆلۈم: قەلبنىڭ ئاجايىپ ھاللىرى”

بىلگىنكى، ئىنساندىكى ئەڭ شەرەپلىك ئەزا دەل قەلبىدۇر. چۈنكى، قەلب ئاللاھنى ھەقىقىي تونىغۇچى، ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەل قىلغۇچى، ئاللاھقا ئىنتىلىپ. تىرىشقۇچى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋابلارنى ئىزدەپ يېقىنلاشقۇچىدۇر باشقا ئەزالار قەلبكە بويسۇنغۇچى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىسىدۇر. خۇددى خوجايىنلار. قۇللارنى خىزمەتكە سالغاندەك قەلبمۇ ئۇلارنى خىزمەتكە سالىدۇ

قەلبىنى ھەقىقىي تونۇغان كىشى پەرۋەردىگارىنى تونۇيدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر قەلبىنى ۋە نەپسىنى ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ئاللاھ تائالا: «بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ)» «8ئەنفال-24» دەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ كىشى بىلەن قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ سېلىشى قەلبنى ئاللاھ تائالانى تونۇشتىن ۋە ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇشتىن چەكلىشىدۇر. شۇڭا، قەلبنى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇش دىننىڭ ئۇلى ۋە ئاخىرەت يولۇچىلىرىنىڭ يولىنىڭ ئاساسىدۇر.

شەيتاننىڭ قەلبكە ۋەسۋەسە بىلەن چاپلىشىۋېلىشى

بۆلۈم: “شەيتاننىڭ قەلبكە ۋەسۋەسە بىلەن چاپلىشىۋېلىشى”

بىلگىنكى، قەلب يارىتلىشىدىلا توغرا يولنى قوبۇل قىلىدىغان قىلىپ ئۇ كېيىنچە ئىچىگە ھەۋەس كىرىۋالغان شەھۋەت ۋە ھاۋايى سەۋەبلىك توغرا يولدىن قېيىپ كېتىدۇ ۋە بارغانسېرى يىراقلايدۇ. قەلبنى ئىگەللەش ئۈچۈن پەرىشتىلەر قوشۇنى بىلەن شەيتانلار قوشۇنى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھۇجۇم تاكى قەلب ئىشىكى ئىككى تەرەپتىن بىرىگە ئېچىلغانغا قەدەر. داۋاملىشىدۇ. ئاقىۋەت غالىب كەلگۈچى قەلبنى بويسۇندۇرۇپ، ئىچىگە ئورۇنلىشىدۇ شەيتان قوشۇنى بولسا قەلبكە ئوغرىلىقچە كىرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: «(يوشۇرۇن ۋەسۋەسىچىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگىن)» «114ناس-4» دەيدۇ.. ئۇ ئاللاھ زىكىر قىلىنغاندا يوشۇرۇنىدۇ، غەپلەت باسقاندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ،شەيتانلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى قەلبتىن پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرىلا قوغلايدۇ. چۈنكى .شەيتان ئاللاھ زىكىر قىلىنغان قەلبتىن بەدەر قاچىدۇ

شەيتاننىڭ قەيەرلەردىن قەلبكە كىرەلەيدىغانلىقىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “شەيتاننىڭ قەيەرلەردىن قەلبكە كىرەلەيدىغانلىقىنىڭ بايانى”

بىلگىنكى، قەلب گوياكى قورغانغا ئوخشايدۇ. شەيتان بولسا ئۇ قورغانغا كىرىشنى، ئۇنى بويسۇندۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئارزۇلايدىغان دۈشمەندۇر. قورغاننى قوغداش ئۇنىڭ قوۋۇقلىرىنى مەھكەم ساقلاش ۋە مۇداپىئە ،ئارقىلىقلا مۇمكىندۇر. قەلبىنى تونۇمىغان كىشى ئۇنىڭ قوۋۇقلىرىنى ساقلاپ مۇداپىئە قىلالمايدۇ. شەيتاننىڭ كىرىش يوللىرىنى بىلگەندىلا ئۇنى دەفئ قىلغىلى .بولىدۇ. شەيتان كىرىش ئېغىزلىرى بەندىنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ، بەسى كۆپتۇر بۇ يەردە، بىز شۇلاردىن شەيتاننىڭ لەكمىڭ قوشۇنىغىمۇ تار كېلىپ قالمايدىغان. چوڭ ئىشىكلەرگىلا ئىشارەت قىلىمىز

€ شەيتان ۋە ئەسكەرلىرى كىرىۋالالايدىغان چوڭ ئىشىكلەردىن بىرى ھەسەت ۋە ھېرىسمەنلىكتۇر؛ بەندە بىر نەرسىگە بەك ھېرىسمەن بولغان ۋاقتىدا بۇ ھېرىس ئۇنى قارىغۇ ۋە گاس قىلىپ قويىدۇ ۋە قۇۋۋەت- شەيتاننىڭ كىرىشى مۇمكىن يوچۇقلارنى ئاڭقىرغۇچى زېھىن نۇرىنى ئۆچۈرىدۇ. شۇنىڭدەك كىشى ھەسەتخور بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇ چاغدا شەيتان دەرھال پۇرسەت تېپىپ، ھەسەتىگە مۇنكەر ياكى مەينەت ئىش— يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشنى . ھەسەتخورغا چىرايلىق كۆرسىتىدۇ— بولغان تەقدىردىمۇ € غەزەپ، شەھۋەت ۋە جەھل تەرسالىق؛ چۈنكى، غەزەپ ئەقىلنىڭ ئېزىتقۇسى بولۇپ، ئەقىل قوشۇنى ئاجىزلاشقان ھامان شەيتان ھۇجۇم قىلىپ، ئىنساننى ئوينىتىدۇ. رىۋايەت قىلىنۇركى، ئىبلىس تەرسا بولسا، بىز ئۇنى- مۇنداق دەيدۇ: «بىر بەندە جاھىل.» پىر پىرقىرىتىۋېتىمىز- كىچىك بالا پىرقىرىغۇچ پىقىراتقاندەك پىر

€ كېچەك ۋە سەرەمجانلارنى زىننەتلەشنى ياخشى- ئۆي، كىيىم - كۆرۈش؛ چۈنكى، شەيتان ئىنساننى ئۆينى كۆركەم قىلىش، تام لىباسلارنى زىننەتلەش، ئۆي- تورۇسلىرىنى بېزەش، كىيىم جاھازىلىرىنى جابدۇشقا داۋاملىق قىزىقتۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق. ئىنسان كۆپىنچە ئۆمرىنى مۇشۇ ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ

€ زىيادە توق قورساقلىق؛ چۈنكى، توقلۇق شەھۋەتنى كۈچلەندۈرىدۇ . ئىبادەت قىلىشتىن مەشغۇل قىلىدۇ- ۋە ئىنساننى ئاللاھقا تائەت

€ تەمەخورلۇق؛ چۈنكى، بىراۋدىن بىرنەرسە تەمە قىلغان كىشى تەمە قىلىنغۇچىدا يوق سۈپەتلەر بىلەن ئۇنى ماختايدۇ، خۇشامەت. قىلىدۇ ۋە ئۇنى ياخشىلىققا بۇيرىيالمايدۇ، يامانلىقتىن توسالمايدۇ

€ ئالدىراقسانلىق، تەكشۈرۈپ باقماي ۋە ئويلانماي اا قارار قىلىش؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالدىراقسانلىق شەيتاندىن، تەمكىنلىك ئاللاھتىندۇر» دېگەن.

€ دۇنيا مۇھەببىتى قەلبتە- مال دۇنيانى ياخشى كۆرۈش؛- مال ئورۇن ئالسا قەلبنى بۇزىدۇ ۋە ھالال بولمىغان يول بىلەن پۇل تېپىشقا ئېلىپ بارىدۇ. كىشىنى بېخىللىققا زورلاپ، يوقسۇللۇقتىن. قورقۇتىدۇ. بېرىشكە تېگىشلىك ھەقلەرنىمۇ بەرگۈزمەيدۇ

€ مەزھەبلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئەمەل قىلىشقا ئەمەس، مەزھەب مۇتەئەسسىپلىكىگە ئېلىپ بېرىش؛

€ كىشىلەرنى دىننىڭ ئەسلى ھەققىدە شەككە سېلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ زاتى، سۈپەتلىرى ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان خۇسۇسلاردا تەپەككۇر قىلىشقا زورلاش؛

€ كىمكى بىر مۇسۇلمان ھەققىدە.مۇسۇلمانلاردىن بەدگۇمان بولۇش بەدگۇمانغا چۈشسە ئۇنى مەنسىتمەيدۇ ۋە ئۇ ھەقتە ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈيدۇ. بەدگۇمان پەقەتلا گۇمانخورنىڭ ناچارلىقىنىڭ سارقىندىسى ۋە يۇندىسىدۇر. چۈنكى، مۇئمىن مۇئمىن ئۈچۈن ھەق. باھانە ئىزدەيدۇ، مۇناپىق بولسا مۇئمىندىن ئېۋەن قىدىرىدۇ

بەگۇمانغا دۇچار بولماي دېگەن كىشى تۆھمەت ئېھتىمالى بار يەرلەردىن يىراق. تۇرۇشى كېرەك

يۇقىرىقىلار شەيتان كىرىشى مۇمكىن بولغان بىر قىسىم ئىشىكلەردۇر. بۇ ئاپەتلەرنىڭ داۋاسى بولسا قەلبنى يامان سۈپەتلەردىن پاكلاش ئارقىلىق ئۇ ئىشىكلەرنى ئېتىپ تاشلاشتۇر. بۇ سۈپەتلەر ھەققىدە ئاللاھ خاھلىسا ئالدىمىزدا. تەپسىلىي سۆزلىگەيمىز، ئىنشائاللاھ

بۇ سۈپەتلەرنىڭ يىلتىزلىرى قەلبتىن قومۇرۇپ تاشلانسا، شەيتان قەلبكە سالىدىغان ۋەسۋەسىلەر ۋە بىمەھەل ئۆتۈشلەر باردۇر. لېكىن، ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش بۇ ۋەسۋەسە ۋە بىمەھەل ئۆتۈشلەرنى توسىدۇ. قەلب تەقۋالىق بىلەن گۈللەپ ياشنايدۇ.

شەيتان بەئەينى ساڭا يېقىنلاشقان ئاچ ئىتقا ئوخشايدۇ. ئەگەر سېنىڭ ئالدىڭدا گۆش ۋە نان بولمىسا، «چاق!» دېسەڭ ئىت نېرى كېتىدۇ. ئەگەر ئالدىڭدا. گۆش ياكى نان بولسا ۋە ئىتمۇ ئاچ بولسا، «چاق!» دېگىنىڭگە نېرى كەتمەيدۇ خۇددى شۇنىڭدەك شەيتاننىڭ ئوزۇقى يوق قەلبتىن شەيتان پەقەت ئاللاھنى .زىكىر قىلىش بىلەنلا قوغلىنىدۇ

ھەۋەس غالىب كەلگەن قەلبكە كەلسەك، زىكىرنىڭ تەسىرى ئۇنداق- ھاۋايى قەلبنىڭ گىرۋەكلىرىگە يامىشىپ تۇرىدۇكى، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا. كىرەلمەيدۇ. نەتىجىدە قەلبنىڭ مەركىزى شەيتانغا ماكان بولىدۇ

بۇنىڭ راستلىقىنى بىلمەكچى بولساڭ، نامازدىكى ھالىڭنى ئوبدان ئويلا ۋە كىتابنى ۋە دۇنيا- قارا، نامازدا تۇرغىنىڭدا شەيتان قەلبىڭگە بازارنى، ھېساب !ئىشلىرىنى ئەسلىتىپ قانداق ۋەسۋەسە سالىدىكىن؟

] خىيالنىڭ كەچۈرۈلىدىغانلىقى- [قەلبتىن كەچكەن ئوي

بىلگىنكى، كۆڭۈلدىن كەچكەن خىيالغا گۇناھ بولمايدۇ. كۆڭلۈڭدىن كەچۈرگەن، يامان ئىشلارمۇ شۇ قاتاردىندۇر. كىمكى كۆڭلىدە يامان ئىش قىلىشنى ئويلاپ ئۇنى قىلىشتىن ئاللاھتىن قورقۇپ ۋاز كەچسە، ئۇنىڭغا بىر ياخشلىق / ساۋاب يېزىلىدۇ. ئەگەر بىر توسالغۇ سەۋەبلىك ۋاز كەچكەن بولسا ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا. چىڭ تۇرۇۋالمىغان بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز چۈنكى، گۇناھتا چىڭ تۇرۇۋېلىشمۇ بىر گۇناھتۇر. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ، بىرىگە قىلىچ كۆتۈرسە- سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىككى مۇسۇلمان بىر ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچى دوزاختا بولىدۇ» دېگەنىدى. شۇندا: «ئۆلتۈرۈلگۈچى نېمىشقا دوزاختا بولىدۇ؟» دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى .ۋەسەللەم: «چۈنكى، ئۇمۇ رەقىبىنى ئۆلتۈرۈمەكچى بولغان» دېدى

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق تۇرسا، ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋېلىش ۋە تىرىشىش !قانداقمۇ جازالانمىسۇن؟! كىبىر، رىيا ۋە ھاكاۋۇرلۇق دېگەنلەر يوشۇرۇن ئىشلارغۇ؟ ئەگەر بىر كىشى كۆرپىسىدە يات بىر ئايالنى كۆرسە ۋە ئۇنى ئايالىم ئوخشايدۇ دەپ. گۇمان قىلىپ جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، بۇ سەۋەبلىك گۇناھكار بولمايدۇ ئەگەر ئۆز ئايالىنى كۆرۈپ، ئۇنى يات ئايال ئوخشايدۇ دەپ جىنسى مۇناسىۋەت. قىلسا، گۇناھكار بولىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى قەلبنىڭ كەسكىن قارار قىلىشىغا باغلىقتۇر.

قەلبنىڭ تېز ئۆزگىرىدىغانلىقى

بۆلۈم: “قەلبنىڭ تېز ئۆزگىرىدىغانلىقى”

ھەدىستە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيتتى: «يَا مُقَلِّبَ الْقُلُوبِ ثَبِّتْ قَلْبِي عَلَى دِينِكَ» (ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى ئاللاھ! قەلبىمنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن)، «اللَّهُمَّ مُصَرِّفَ الْقُلُوبِ صَرِّفْ قُلُوبَنَا عَلَى طَاعَتِكَ» (ئى قەلبلەرنى ئۆرۈگۈچى ئاللاھ! قەلبلىرىمىزنى سېنىڭ تائىتىڭگە ئۆرۈگىن).\n ئۈستىن قىلىپ تۇرىدىغان- «قەلب بەئەينى قۇرۇق باياۋاندا شامال ئاستىن.»بىر پەيگە ئوخشايدۇ

بىلگىنكى، قەلبلەر ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە ئارىسىدا بولۇشلىرى جەھەتتىن مۇنداق ئۈچ ھالدا بولىدۇ:

  1. تەقۋالىق بىلەن ئاۋات قىلىنغان، رىيازەت بىلەن تاۋلانغان ۋە ناچار خۇيلاردىن ئېرىغدالغان قەلب. غەيب خەزىنىلىرىدىن سىرغىپ چىققان ئېزگۈ پىكىرلەر مانا مۇشۇنداق قەلبتە ئۆزىگە جاي تاپىدۇ. بۇ ئەسنادا ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆرۈنمەس ئەسكەرلىرى بىلەن ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇنى باشقا ياخشىلىقلار تامان يولغا سالىدۇ.

  2. تاشلىۋېتىلگەن، ھاۋايى-ھەۋەسكە تولغان، ناچارلىقلار ئورناشقان، يامان خۇيلار بىلەن بۇلغانغان قەلب. بۇنداق قەلبنىڭ پايانى كەڭ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇندا شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈچىيىدۇ، ئىماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاجىزلىشىدۇ. بۇنداق قەلب ھاۋايى-ھەۋەس تۈتۈنلىرى بىلەن تولىدۇ ۋە نۇرى يوقىلىدۇ. بۇ قەلب بەئەينى ئىس-تۈتەك بىلەن توشۇپ كەتكەن كۆزگە ئوخشاش بولۇپ، ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدۇ. ھەرقانداق ۋەز-نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ.

  3. ھاۋايى-ھەۋەس بىخ سۈرۈشكە باشلىغان قەلب بولۇپ، تۈرلۈك ھەۋەسلەر ئۇنى يامانلىققا چاقىرىدۇ، ئاندىن يېڭى كۆتۈرۈلگەن ئىمان بىخلىرى ئۇنى ياخشىلىققا چاقىرىدۇ. مەسىلەن: شەيتاننىڭ ئەقىلگە قاتتىق ھۇجۇم قىلىشى ۋە نەفسانىي ئارزۇلارغا دەۋەت قىلغۇچىنىڭ: «پالانچى ۋە پۇكۇنچىلارغا قارىمامسەن، ئۆز ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە قانداق كىرىپ كەتكەن؟!» دېگەندەك سۆزلىرى. ھەتتا ئۇ دەۋەتچى نەفسانىي ئارزۇلىرىغا دۈم چۈشكەن بەزىبىر ئالىملارنىمۇ مىسال كەلتۈرىدۇ. مۇشۇنداق تەلقىنلەر نەتىجىسىدە نەپس شەيتانغا مايىل بولىدۇ. بۇ ئەسنادا پەرىشتە شەيتانغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: «ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ پەقەتلا دۇنيا ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرگەن كىشى ھالاك بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ نەپسلىرىدىن بىخەۋەر قالغانلىقىغا ئالدانمىغىن. ئېيتقىنا، ئەگەر خالايىق پىژغىرىم ئىسسىقتا تۇرسا-يۇ، سېنىڭ سالقىن ئۆيۈڭ بولسا، ئەجەبا سەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىسسىقتا تۇرامسەن ياكى ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك بولغاننى تاللامسەن؟ پىژغىرىم ئىسسىقتا تۇرۇشتا ئۇلارغا مۇخالىپەت قىلغان يەردە، دوزاخ ئوتىغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشتا ئۇلارغا مۇخالىپەت قىلمامسەن؟!» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەپس پەرىشتىنىڭ سۆزىگە مايىل بولىدۇ ۋە ئىككى قوشۇن ئارىسىدا ئارسالدى بولىدۇ. بۇ ئارسالدىچىلىق تاكى ئەڭ ياخشى يول قەلبنى ئىگىلىگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. چۈنكى، كىمكى ياخشىلىق ئۈچۈن يارىتىلغان بولسا، ئۇ ياخشىلىق يوللىرىغا مۇيەسسەر قىلىنىدۇ؛ كىمكى يامانلىق ئۈچۈن يارىتىلغان بولسا، ئۇ يامانلىق يولىغا مەھكۇم قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن :دەيدۇ ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇ گويا ئاسمانغا چىقىۋاتقاندەك ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىۋېتىدۇ. (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، «ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ» «6ئەنئام-125»

ئى ئاللاھ! بىزنى ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا !مۇۋەپپەق قىلغىن

ئىزاھاتلار:

  • تىرمىزىي (3522). «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھۇ سۈنەنىتتىرمىزىي» (2792) دە «سەھىھ» دېگەن.
  • مۇسلىم (2654).

ئون بەشىنچى بۆلۈم: نەپسنى تەربىيەلەش، ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە قەلب كېسەللىكلىرىنى داۋالاش. بۇ تېما بىرنەچچە بابتا بايان قىلىنغۇسى

بۆلۈم: “ئون بەشىنچى بۆلۈم: نەپسنى تەربىيەلەش، ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە قەلب كېسەللىكلىرىنى داۋالاش. بۇ تېما بىرنەچچە بابتا بايان قىلىنغۇسى”

بىلگىنكى، ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاق پەيغەمبەرلەر ۋە سىددىقلارنىڭ سۈپىتىدۇر. يامان خۇيلار بولسا ئۆز ئىگىسىنى شەيتاننىڭ يولىغا كىرگۈزىدىغان ئۆتكۈر زەھەر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قويغۇچى كېسەللىكتۇر. شۇڭا، ئىنسان ئۇلارنى بىلىشى ۋە تېگىشلىك داۋالاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. بىز بۇ كېسەللىكلەرگە ۋە بۇلارنى قانداق داۋالاشقا دائىر تەپسىلاتلارغا كىرمەي، بىر !پۈتۈن ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز. ئىنشائاللاھ تۆۋەندە ئېنىق بايان قىلغايمىز

پەزىلىتى ۋە يامان خۇينىڭ ئەيىبلىنىشى- بىرىنچى باب: گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەردەم توغرىسىدا. بۇ ھەقتە سۆھبەت ئەدەبلىرى بابىدا بىرئاز توختلاغان ئىدۇق

بىلگىنكى، كىشىلەر گۈزەل ئەخلاقنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدە ئەمەس، ئۇنىڭ، مېۋىلىرى ھەققىدە سۆز قىلىشتى. ئەمما، ئۇ مېۋىلەرنى تولۇق ئېيتىپ بولالمىدى بەلكى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھەققىدە ئاللاھ ئىمكان بەرگەن دائىرىدە بىرنەرسىلەر. دەپ بېقىشتى

ئادەتتە گۈزەل ئەخلاقنىڭ گۈزەل يارىتىلىشقا يانداش كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بۇ ھەقتىكى بىر ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىشتۇر. ئەرەبلەر: «پالانچى خلاقى )» دەپ قويىدۇ، بۇ دېگىنىُِفَُلاٌَنٌ َحََسَُنُ اَخل�َْلِْقِ واُخل�ُ�لُِق( ۋە خۇلقى گۈزەل كىشى ،«ئىچىمۇ، تېشىمۇ گۈزەل ئادەم» دېگەنلىكتۇر. «خلاقى» دەپ تاشقى قىياپەت «خۇلقى» دەپ ئىچكى دۇنيا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى، ئىنسان تەن ۋە روھتىن. ئىبارەتتۇر

تەن كۆز بىلەن كۆرۈلىدۇ ۋە ئاڭقىرىلىدۇ، روھ بولسا پاراسەت بىلەن. تونۇۋېلىنىدۇ. ھەر ئىككىسىىنىڭ گۈزەل ياكى سەت كۆرۈنۈشى / شەكلى بولىدۇ پاراسەت بىلەن تونۇۋېلىنغان روھ كۆز بىلەن كۆرۈلگەن تەندىن تېخىمۇ مۇھىم ۋە

تېخىمۇ قىممەتلىكتۇر. شۇنىڭچۈن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا روھنى تېخىمۇ مۇھىم «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە:كۆرسەتتى ۋە ئۇنى ئۆزىگە ئىزافە قىلدى ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن. ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە ئۇشبۇ ئايەتى كەرىمدە ئاللاھ تائالا تەننى اليغا، روھنى ‹38ساد-71-72› »قىلىڭلار ئۆزىگە نىسبەت قىلدى. دېمەك، ئەخلاق روھقا ئورناشقان بىر ئۇسلۇپ ۋە مەيدان ھەرىكەتلەر ئويلاپ ئولتۇرۇش بىھاجەت ھالدا روھتىن ئاسانال- بولۇپ، ئىش ھەرىكەت بولسا «گۈزەل- چىقىد‍ۇ‍. ئەگەر ئوتتۇرىغا چىققىنى گۈزەل ئىش ئەخلاق»، سەت قىلىقلار بولسا «يامان خۇي» دەپ ئاتىلىدۇ

ئەخلاقنىڭ ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىش، قىلماسلىقىنىڭ بايانى

ھۇرۇنلۇققا يېڭىلىپ، رىيازەت / نەپس تەربىيەسى ئېغىر كەلگەن بەزىلەر، خۇددى تاشقى قىياپەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغاندەك ئەخلاقنىڭ ئۆزگىرىشىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى .سۈرۈشىدۇ

ئۇلارغا بېرىلگۈسى جاۋاب مۇنداق: ئەگەر ئەخلاق ئۆزگىرىشنى قوبۇل. قىلمايدىغان بولسا ئىدى، ئۈگۈت ۋە تەۋسىيەلەر تامامەن بىمەنە بولغان بولاتتى بىز ياۋايى بىر ئوۋ ھايۋىنىنىڭ كۆندۈرۈلۈشى، ئوۋ ئىتىنىڭ تۇتقان ئوۋنى يېمەسلىكنى ئۆگىنىشى، ئاتنىڭ چىرايلىق مېڭىش ۋە ئىگىسىگە ئىتائەتنى !ئۆگەنگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قانداقمۇ ئەخلاقنىڭ ئۆزگىرىشنى ئىنكار قىلالايمىز؟ ئەلبەتتە، بەزى تەبىئەتلەر تۈزىلىشنى تېز قوبۇل قىلىدۇ، بەزىلىرىگە بولسا تەس. كېلىدۇ

،تۇغما مىجەزنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كىشىنىڭ خىيالىغا كەلسەك شۇنى بىلگىنكى، مەقسەت پۈتۈن سۈپەتلەرنى تۈپتىن يوقىتىش ئەمەس، بەلكى رىيازەتتىن / تەربىيەدىن مۇرات شەھۋەتنى ئاشقۇنلۇق بىلەن بوشاڭلىق ئارىسىدا ئوتتۇراھال سەۋىيەگە كەلتۈرۈشتۇر. شەھۋەتنى/ ئىستەكنى نەپستىن تۈپتىن يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس ھەم بۇ تۇيغۇ فىترەتكە زۆرۈر بىر پايدا ئۈچۈن يارىتىلغان تۇرسا، يوقىتىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟! مەسىلەن، تاماق ئىستىكى .تامامەن يوقلاسا ئىنسان ئۆلىدۇ، جىنىسىي شەھۋەت يوقلاسا نەسىل قۇرۇيدۇ .غەزەپ بىر پۈتۈن يوقالسا، ئىنسان ئۆزىنى ھالاك قىلغۇچى ئامىللارنى يوقىتالمايدۇ. ئاللاھ تائالا: «ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر كۇففارلارغا قارشى شىددەتلىكتۇر» «48فەتىھ-29» دېگەن. شىددەت پەقەت غەزەپتىن تۇغۇلىدۇ. ئەگەر غەزەپ يوقالسا، كۇففارغا قارشى جىھاد توختاپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە: «…ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار…» «3ئال ئىمران-134» دېدى، «ئاچچىقىنى يوق قىلىدىغانلار» دېمىدى.

شۇنىڭدەك تائام ئىستىكىدە نە ئاچپاقىلىق نە بەك ئاز يېيىش، بەلكى ئوتتۇراھاللىق تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار!» «7ئەئراف-31». لېكىن، مۇرشىد (يول كۆرسەتكۈچى ئۇستاز) مۇرىت-مۇخلىسىدا غەزەپ ۋە شەھۋەتكە مەيىل كۆرسە، ئۇنى ئوتتۇراھال قىلىش ئۈچۈن، غەزەپ ۋە شەھۋەتنى مۇتلەق ئەيىبلەشتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتسىمۇ گۈزەل ئىشتۇر. رىيازەت / نەپس تەربىيەسىدىن مەقسەتنىڭ ئوتتۇراھاللىق ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان مىساللار بىرى: سېخىيلىقنىڭ شەرئەن تەلەپ قىلىنىدىغان ئەخلاق بولۇشى بولۇپ، سېخىيلىق بېخىللىق بىلەن ئىسراپخورلۇق ئارىسىدىكى ئوتتۇرا «ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى :يولدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق ماختىدى ،كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ» «25فۇرقان-67» ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ

]پەسل: [گۈزەل ئەخلاققا ئۇلاشتۇرغۇچى سەۋەبلەر

گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەقىل قۇۋۋىتىنىڭ ئوتتۇراھاللىقى ھەمدە غەزەپ ۋە شەھۋەت. كۈچىنىڭ ئوتتۇراھاللىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولدۇڭ

بىلگىنكى، بۇ ئوتتۇراھاللىق (ئېتىدال) بەزىدە يارىلىشتىن ئىلاھىي سوۋغا سۈپىتىدە فىترەتنىڭ تاكامۇلى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. دەرۋەقە، نۇرغۇن كىچىك بالىلار راستچىل، سېخىي ۋە مۇلايىم يارىتىلغان. ئوتتۇراھاللىق بەزىدە يەنە تىرىشچانلىق بىلەن ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭ يولى رىيازەت، يەنى تەلەپ قىلىنغان ئەخلاقنى يېتىلدۈرگۈچى ئەمەللەرنى نەپىسكە تېڭىشتۇر. شۇڭا، كىمكى سېخىيلىق، ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشنى ئىستىسە، بۇنىڭ ئۆز تەبىئىتىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن خۇددى سېخىيلەر قولى ئوچۇقلۇق قىلغاندەك ئۆزىنى قولى ئوچۇقلۇققا زورلىشى .كېرەك

«كەمتەر بولاي» دېگەن كىشىمۇ ئۆزىنى كەمتەرلەرنىڭ ئىشىلىرىنى قىلىشقا زورلىشى كېرەك. دېمەك، بارچە گۈزەل ئەخلاقلاردا ئىش مۇشۇنداق. يەنى، بىر، ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشتە ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشنىڭ رولى زور. جۈملىدىن

پۈتۈكچى / يازغۇچى بولۇشنى خاھلىغان كىشى يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا بېرىلىشى؛ فەقىھ ئالىم بولۇشنى نىيەت قىلغۇچى تاكى قەلبى فىقھ سۈپىتىگە مايىل بولغۇچە ئەتىۋارىنى تەكرارلاۋېرىشى كېرەك. ئەلبەتتە، خۇددى ئىنسان- فۇقاھانىڭ پېئىل ئۈچ كۈندىلا بوي تارتىپ (ئادەم بولۇشىنى) كۈتۈپ- بالىسىنىڭ ئىككى ئۈچ كۈندىلا ئۈنۈم كۆرۈلۈشىنى كۈتمەسلىك- بولمىغاندەك، بۇنىڭدىمۇ ئىككى كېرەك. ئۈنۈم ئىزچىللىق بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق چوڭ رول. ئوينايدۇ

شۇنىڭدەك ئىتائەت ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ئېزىنى كەمسىتمەسلىك كېرەك. ئىزچىل مەئسىيەتلەرنىڭ ئېزىغىمۇ سەل- داۋاملا قىلىدىكەن تەسىرى بولىدۇ. گۇناھ. قارىماسلىق كېرەك

دەرۋەقە پەزىلەت سەۋەبلىرىگە چىڭ يېپىشىش روھقا تەسىر قىلىپ، مىزاجنى ،ئۆزگەرتكىنىدەك، ھۇرۇنلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ئادەتكە ئايلىنىپ قالسا. ھەرقانداق خەير ۋە ياخشىلىقتىن مەھرۇم قېلىش كېلىپ چىقىدۇ بەزىدە گۈزەل ئەخلاق ياخشىلارغا ھەمسۆھبەت بولۇش ئارقىلىق يېتىلىدۇ چۈنكى، ئىنسان تەبىئىتى بەئەينى ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئوغرىلايدىغان. ئوغرىدۇر.

پېقىرنىڭ قارىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بۇ ھەقىقەتنى كۈچلەندۈرىدۇ: «ئىنسان ئۆز دوستىنىڭ دىنى ئۈزرەدۇر، شۇڭا . »ھەرقاندىقىڭلار كىمنى دوست تۇتقانلىقىغا ئوبدان قارىسۇن

ئىككىنچى باب: ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈش يولى

بۆلۈم: “ئىككىنچى باب: ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈش يولى”

ئەخلاقتا ئوتتۇراھاللىقنىڭ قەلب ۋە روھتىكى ساقلىق، ئوتتۇراھاللىقتىن قىڭغىر كېتىشنىڭ بولسا بىر كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلدىڭ. ئەمدى بىلگىنكى، ئىنسان روھىنى داۋالاش بەئەينى بەدەننى داۋالاشقا ئوخشايدۇ. دەرۋەقە بەدەن ئەزەلدە ،مۇكەممەل يارىتىلمىغان، پەقەت تەربىيە ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن كامال تاپقاندەك، روھمۇ ناقىس يارىتىلغان، ئەمما تاكامۇللۇققا تەيياردۇر. روھ ئۆزىنى پاكلاش. ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئىلىم بىلەن ئۇزۇقلىنىش ئارقىلىق مۇكەممەللىشىدۇ

بەدەن ساغلام چاغدا دوختۇر / تېۋىپنىڭ ۋەزىپىسى مەۋجۇد ساقلىقنى ساقلاش بولسا، كېسەل تەگكەن چاغدا چۈشىدىغان ۋەزىپە ئاشۇ ساقلىقنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. روھمۇ دەل شۇنداق: غۇبارسىز، پاك ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق ۋاقىتتا. مەۋجۇد ھالەتنى قوغداش ۋە تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك ئەگەر كامالەتكە يەتمىگەن بولسا، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگۈچى سەۋەبلەرگە .تىرىشىش كېرەك

بەدەننىڭ كېسەل بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىللەت ئۇنىڭ دەل ئەكسى بىلەن داۋالىنىدۇ. مەسىلەن، بەدەن ئىسسىقلىق سەۋەبىدىن كېسەل بولغان بولسا سۆرۈن. ۋە سوغۇق نەرسىلەرنى سەۋەب قىلىش بىلەن داۋالىنىلىدۇ / قىزىتما چۈشۈرۈلىدۇ شۇنىڭدەك قەلبنىڭ كېسەللىكى بولمىش ناچار خۇيلار ئۇنىڭ ئەكسى بىلەن داۋالىنىلىدۇ. مەسىلەن، نادانلىق كېسىلى ئىلىم بىلەن، بېخىللىق كېسىلى سېخىيلىق بىلەن، تەكەببۇرلۇق كېسىلى كەمتەرلىك بىلەن ۋە ئاچكۆزلۈك كېسىلى .كۆڭلى تارتقان نەرسىدىن ئۆزىنى توختىتىش بىلەن داۋالىنىلىدۇ

كېسەل بەدەننىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن دورىنىڭ ئاچچىقىغا چىداش ۋە كۆڭۈل تارتقان نەرسىلەرنى يېمەسلىككە قاتتىق سەبر كېرەك بولغىنىدەك، نەپسكە قارشى جىھادنىڭ قىينچىلىقىغا چىداش ۋە قەلب كېسەللىكىنى داۋالاشقىمۇ سەبرچانلىق لازىم. ھەتتا بۇنىسى بەكرەك سەبر تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، بەدەن ئۆلۈم بىلەن تەڭ كېسەللىكتىن قۇتۇلىدۇ، لېكىن قەلب كېسەللىكى دېگەن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ .مەڭگۈ داۋام قىلىدىغان ئازابتۇر

مۇرىتلارنىڭ قەلبلىرىنى داۋالايدىغان مۇرشىد ئۇلارنىڭ خۇلق ۋە كېسەللىكلىرىنى .بىلمەي تۇرۇپ، نوقۇل بىر رىيازەت / تەربىيە بىلەن كىرىشىۋالماسلىقى كېرەك چۈنكى، ھەممە كېسەلنى داۋالاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، دىندىن بىخەۋەر كىشىنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا ئەۋۋەلا تاھارەتنى، ئاندىن ناماز ۋە ئىبادەتلەرنى ئۆگىتىش كېرەك. ئەگەر تەكەببۇر كىشى بولسا، كەمتەرلىك كېرەك بولغان ئىشلارغا جورۇش، ئاچچىقى يامان كىشى بولسا، مۇلايىم، سەبرچان. بولۇشقا زورلاش كېرەك. نەپسىنى تەربىيەلىگۈچى كىشى ئەڭ موھتاج نەرسە مۇستەھكەم ئىرادىدۇر ئارسالدىلىق پەيدا بولغان ھامان ئۇتۇق يىراقلىشىدۇ. نەپسىنى تەربىيەلىگۈچى ئۆز ئىرادىسىدە ئاجىزلىقىنى سەزگەن چاغدا سەبرچان بولۇشى كېرەك. ئىرادە ۋە قەتئىيىتى بوشاشقان ھامان ئىككىنچى بۇنداق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن نەپسىنى جازالىشى كېرەك. بىر كىشى نەپسىگە مۇنداق دېگەنىكەن: «ئەگەر بىھۇدە .»بىلجىرلىساڭ، سېنى يىل بويى روزا تۇتۇش بىلەن جازالايمەن

ئۈچىنچى باب: قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتى، قەلبنىڭ ساقىيىشى، ئىنساننىڭ ئۆز ئەيىبلىرىنى تونۇشىنىڭ يولى

بۆلۈم: “ئۈچىنچى باب: قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتى، قەلبنىڭ ساقىيىشى، ئىنساننىڭ ئۆز ئەيىبلىرىنى تونۇشىنىڭ يولى”

بىلىۋالغىنكى، ھەربىر ئەزا ئۆزىگە خاس بىر ھەرىكەت بىلەن يارىتىلغاندۇر بىر ئەزانىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئۇنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنى ئورۇنداشتىن. ئاجىز كېلىشى ياكى ئۇ ھەرىكەتنىڭ بەزى ئىزتىراپلار بىلەن ئورۇندىلىشىدۇر مەسىلەن، قول ياخشى تۇتالمىسا، كۆز خىرەلەشسە، قەلب ئۆز ئەمەللىرىنى قىلالمىسا كېسەل دېمەكتۇر. قەلبكە خاس ئەمەللەر بولسا: ئىلىم، ھېكمەت، ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇش، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ تائالاغىلا ئىبادەت ئىشتىياقتىن ئۈستۈن- قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ھەرقانداق شەھۋەت. كۆرۈشتۇر.

ئەگەر ئىنسان ھەممە نەرسىنى تونۇپ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى ھەقىقىي. رەۋىشتە تونۇمىسا، ھېچنەرسىنى ھەقىقىي تونۇغان بولمايدۇ

ھەقىقىي تونۇشنىڭ ئالامىتى سۆيگۈدۇر. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغان كىشى ئاللاھ تائالانى سۆيىدۇ. سۆيگۈنىڭ ئالامىتى باشقا سۆيۈملۈك نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۆز سۆيگىنىدىن ئۈستۈن كۆرمەسلىكتۇر. كىمنىڭ ئاللاھ تائالادىن. بەكرەك مۇھەببەت قويغان نەرسىسى بار بولسا ئۇ دەل قەلبى كېسەل كىشىدۇر نان ئىشتىھاسى— دەرۋەقە نان يېمەي توپا يېگۈسى كەلگەن ئاشقازان . كېسەل ئاشقازاندۇر— يوقلاغانلىقى ئۈچۈن

قەلبنىڭ كېسىلى يوشۇرۇن كېسەللىك بولۇپ، ئىگىسى ئۇنى ئاسانلىقچە دە، ئۇنىڭدىن غاپىل قالىدۇ. كىشى كېسەلنى بىلگەن تەقدىردىمۇ- بىلەلمەيدۇ ئۇنىڭ داۋاسىنىڭ ئىزتىرابىغا سەبر قىلىشى قىيىندۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ دورىسى ھەۋەسكە قارشى ئىش قىلىشتۇر. سەبر قىلالىسىمۇ ئۇنى داۋالاشقا ئۇستا- ھاۋايى ئەمچى تاپالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئەمچىلەر ئالىملاردۇر. ھالبۇكى، كېسەللىك. ئۇلارغىمۇ يۇقۇپ بولغان. ئۆزى كېسەل ئەمچىنىڭ رېتسىپى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ نەتىجىدە كېسەللىك شىپاسى قىيىن ۋە قورقۇنچلۇق ھالغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىلىم ئاللىبۇرۇن يوقلاغان، قەلبلەرنىڭ كېسەل بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنى داۋالاش، تامامەن ئىنكار قىلىنغان ئەھۋالدىدۇر. ئەمدىلىكتە كىشىلەر كۆرۈنۈشتە ئىبادەت ئەمەلىيەتتە ئادەت ئەمەللەرگە يۈزلىنىپ كېتىشتى، مانا بۇ كېسەللىكنىڭ ھەقىقىي. ئالامىتىدۇر

قەلبنىڭ داۋالاشقا جاۋاب بېرىپ ساقىيشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئالامىتى دەل كىشىنىڭ شۇ ئىللەتكە قارىتا مەيدانىدا ئىپادىلىنىدۇ: ئەگەر بېخىللىق كېسىلىنى

،داۋالاۋاتقان بولسا، مالنى ئايىماي سەرپ قىلىش شىپا تېپىۋاتقانلىقتىندۇر. لېكىن . چېچىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالماسلىق كېرەك– ھەرگىز ئىسراپخورلۇق ۋە بۇزۇپ چۈنكى، ئىسراپخورلۇق دەرىجىسىگە بېرىپ قېلىش يەنە بىر كېسەللىككە مۇبتىلا بولغانلىقتۇر. دەرۋەقە سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن كىشى ھەددىدىن ئارتۇق دە، يېڭى بىر كېسەل– ئىسسىقلىق قىلىۋەتسە، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ قالىدۇ .تېپىۋالغان بولىدۇ. ئوتتۇراھال بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

مۇبادا ئوتتۇراھاللىقنى بىلمەكچى بولساڭ، ئۆز نەپسىڭگە قارىغىن: ئەگەر سەن دۇنيا تېپىش ۋە يىغىش ئۇنى تېگىشلىك كىشىلەرگە سەرپ قىلىشتىن- ئۈچۈن مال تېخىمۇ سۆيۈملۈك ۋە تېخىمۇ ئاسان بىلىنسە، ئۇقۇۋال، سەن بېخىللىققا يېڭىلگەن كىشىسەن. ئۇ ھالدا سەن ئايىماي مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق نەپسىڭنى كۆپ بېرىش سەن ئۈچۈن– داۋالىغىن؛ ئەگەر بېرىشكە تېگىشلىك كىشىگە كۆپ تېخىمۇ سۆيۈملۈك ۋە قولدا تۇتۇۋېلىشتىن تېخىمۇ يەڭگىل بىلىنسە، ئۇنداقتا سەن چېچىش كېسىلىگە گىرىپتارسەن. بۇ ئەھۋالدا سەن تۇتۇپ تۇرۇشنىمۇ– بۇزۇپ ھەرىكىتىڭنىڭ مىجەزىڭگە ئاسان ياكى– بىل. ھەمىشە نەپسىڭنى كۆزەت ۋە ئىش دۇنيا مۇھەببىتىدىن– تەس كېلىشىگە قاراپ ئىش تۇت، تاكى قەلبىڭ مال - چېچىشقا، نە بېخىللىققا مايىل بولمىغاي! مال- ئايرىلغاي ياكى نە بۇزۇپ دۇنيا سېنىڭ نەزىرىڭدە سۇغا ئوخشاش بولسۇنكى، ئۇنى يا بىر موھتاجنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ساقلاپ قويغايسەن ياكى باشقا بىر موھتاجنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن «ئاللاھ ھۇزۇرىغا پاك قەلب بىلەن :سەرپ قىلغايسەن. مۇشۇ ھالدىكى ھەر قەلب» «26شۇئەرائ-89» كەلگەن بولىدۇ

نەپسنىڭ بەتئەخلاقلاردىن پارىغ بولۇشى ئۈچۈن بىرەر دۇنيالىق نەرسىگە ،ئالاقىسى بولماسلىقى لازىم. شۇ ئارقىلىق نەپس دۇنيادىن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن دۇنياغا ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىگە باقمىغان ھالدا دۇنيادىن سەپەر قىلىدۇ، شۇ .چاغدا پەرۋەردىگارىغا ئارام تاپقان نەپس بولۇپ قايتىدۇ

ھېچ شەك يوقكى، ھەقىقىي ئوتتۇراھاللىق بەك ئېنىق بولمىغانلىقى، بەلكى چاچتىنمۇ ئىنچىكە، قىلىچتىنمۇ ئىتتىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا مۇشۇ توغرا يولدا قەددىنى رۇسلاپ ماڭغان كىشى ئاخىرەتتە پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتەلەيدۇ. توغرا يولدا مېڭىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بەندە ھەركۈنى نەچچە . دېيىشكە بۇيرۇلدى «1فاتىھە-6» !«ئى ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن :قېتىم !ئىستىقامەت يولىدا مېڭىشقا قادىر بولالمىغان كىشى شۇ يولدا مېڭىشقا تىرىشسۇن چۈنكى، نىجاتلىق ياخشى ئەمەللەردىن مەيدانغا كېلىدۇ. ياخشى ئەمەللەر گۈزەل ئەخلاقلاردىن ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا، ھەربىر بەندە ئۆز ئەخلاق ۋە سۈپەتلىرىنى

بىرلەپ تۈزەش بىلەن مەشغۇل بولسۇن ۋە- تەكشۈرسۇن! يامان خۇيلىرىنى بىر كەسكىن ئىرادە بىلەن جاپاغا سەبر قىلسۇن! چۈنكى، ئۇ ئىش كىشىگە خۇددى بوۋاق دەسلەپتە سۈتتىن ئايرىلغۇسى كەلمىسىمۇ، كېيىن خوش يېقىپ قالغاندەك يېقىپ قالىدۇ. بوۋاق سۈتتىن ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ كۆكسى تەڭلەنسە ئەلبەتتە ئۇنى قايتا ئېمىشنى خاھلىمايدۇ. ئاخىرەت ھاياتىنىڭ مۇددىتىگە نىسبەتەن ئۆمرىنىڭ قىسقىلىقىنى بىلگەن كىشى مەڭگۈلۈك جەننەت نېئمىتى ئۈچۈن سەپەر مۇشەققەتلىرىنى كۆتۈرىدۇ. كېچىدە توختىماي يول يۈرگەنلەر تاڭ. ئاتقاندا كېچىدە مېڭىۋالغانلىقىدىن سۆيۈنىدۇ

ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى تونۇش يولىنىڭ بايانى

بىلگىنكى، بىر كىشىگە ئاللاھ تائالا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى ئەيىبلەرنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. پىكىر قۇۋۋىتى مۇكەممەل كىشىگە ئۆز ئەيىبلىرى مەخپىي قالمايدۇ. ئەيىبلىرىنى بىلگەن كىشى ئۇنى داۋالىيالايدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەيىبلىرىنى بىلمەيدۇ. دىن قېرىندىشىنىڭ كۆزىدىكى . يۇ، ئۆز كۆزىدىكى كۆتەكنى كۆرمەيدۇ- چاپاقنى كۆرىدۇ

ئۆزىدىكى ئەيىبلەرنى بىلمەكچى بولغان كىشىگە تۆت يول بار:

نەپسنىڭ ئەيىبلىرىنى بىلىدىغان بىر ئۇستازنىڭ ئالدىدا:بىرىنچى يول ئولتۇرۇش ۋە ئۇ ئۇستازنىڭ ئۇنىڭغا نەپسنىڭ ئەيىبلىرى ۋە داۋالاش يوللىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىدۇر. بۇ زاماندا بۇنداق ئۇستازلار ئاز تېپىلىدۇ. بۇنداق ئۇستازغا يولۇققان كىشى ئۇستا ئەمچىگە يولۇققان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنداق ئۇستازنى .تاشلىماسلىق لازىم

دىندار، نەزەر دائىرسى كەڭ، راستچىل بىر دوست ئىزدەش:ئىككىنچى يول ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشى ئۈچۈن- ۋە ئۇنى ئۆزىگە يامان خۇي ۋە ئىش. كۆزەتچى قىلىش

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيتتى: «بىزگە ئەيىبلىرىمىزنى .»ھەدىيە قىلغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۆمەر :ئۆزىدىكى ئەيىبلەرنى كۆرسىتىپ قويۇشىنى سورىغانىدى، سەلمان

، سېنىڭ داستىخىنىڭدا نان تۆگۈرۈپ يەيدىغان ئىككى تۈرلۈك نېئمەت— كېچىدە كىيىدىغان بىر تون، كۈندۈزدە كىيىدىغان بىر جەمئىي ئىككى تونىڭ

— بارلىقىنى ئاڭلىدىم — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر:

— بۇنىڭدىن باشقا بىرنەرسە ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ — دېدى.

! ياق—

. بۇ ئىككىسىنى دېيىش بىلەن ۋەزىپەڭنى تولۇق ئادا قىلدىڭ—

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇزەيفەدىن: «مەن مۇناپىقلار قاتارىغا ئۆتۈپ قالدىممۇ؟» دەپ سورايتتى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ھەرقانداق كىشىنىڭ سەگەكلىكتە .مەرتىۋىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۆزىدىن ئەنسىرىشى شۇنچە كۆپ بولىدۇ ،لېكىن، بۇنداق سۈپەتتىكى دوستنىڭ ھازىرقى زاماندا تېپىلىشى قىيىن. چۈنكى دوستلار ئىچىدە خۇشامەت قىلىشنى تاشلاپ، دوستىنىڭ ئەيىبىنى ئۆزىگە دەيدىغان ياكى ھەسەت قىلمايدىغان دوستلار بەكمۇ ئاز. شۇڭا، ھازىرقى زاماندىكى دوستلار. ئەيىبىنى كۆرسىتىشتە ئۆزىگە ۋاجىب بولغان مىقداردىن ئاشۇرمايدۇ

سەلەف سالىھلەر ئۆزىگە ئەيىبىنى كۆرسىتىپ قويغانلارنى ياخشى كۆرەتتى، بىز ھازىر ئەيىبلىرىمىزنى كۆرسىتىپ قويغان كىشىلەرنى كۆپىنچە ھالدا يامان كۆرۈپ قالىمىز. بۇ ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. چۈنكى، يامان خۇيلار چايانلارغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بىر كىشى كىيىمىمىزنىڭ ئىچىدە چايان بارلىقىنى بىزگە .كۆرسەتسە، ئۇنى رەھمەتكە كۆمۈۋېتىمىز ۋە چاياننى ئۆلتۈرۈشكە تىرىشىمىز ھېچكىمگە مەخپىي بولمىغىنىدەك، يامان خۇينىڭ زىيانلىرى چاياننىڭ زىيىنىدىن. چوڭدۇر

. ئۆز ئەيىبلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ تىلىدىن بىلىپ پايدىلىنىش:ئۈچىنچى يول چۈنكى، دۈشمەنلىك يامان تەرەپلەرنى ئاشكارىلاشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەيىبلەرنى يوشۇرىدىغان، خۇشامەتچى دوستتىن كۆرە، بەكرەك جېدەللىشىپ، ئەيىبلەرنى .ئاچىدىغان دۈشمەن پايدىلىقتۇر

كىشىلەرگە ئارىلىشىش ۋە ئۇلار ئارىسىدا «يامان» كۆرۈلىدىغان :تۆتىنچى يول. ھەرقانداق يامان خۇيدىن ساقلىنىش

پەسىل: قەلب كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنىڭ يولى: شەھۋەتلەرنى تاشلاش

بۆلۈم: “پەسىل: قەلب كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنىڭ يولى: شەھۋەتلەرنى تاشلاش”

بىز نەپس شەھۋەتلىرىنىڭ كىشى ئۆزلۈكىگە چوقۇم مۇئەييەن پايدىلار ئۈچۈن، يارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. چۈنكى، تاماق يېيىش ئىستىكى بولمىسا. ئوزۇقلىنىش بولمايدۇ؛ جىنسى ئىستەك بولمىسا، نەسىل ئۈزۈلۈپ قالىدۇ شەھۋەتلەردىن ئەيىبلىنىدىغىنى زىيادە شەھۋەتلەر ۋە شەھۋەتلەرنىڭ چەكتىن. ئېشىشىدۇر. بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار بۇ شەھۋەت مىقدارىنى چۈشەنمىدى شۇ سەۋەبتىن نەپسى خاھلىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەرك ئېتىشتى، بۇنداق قىلىش نەپسنىڭ ھەققىنى يەپ، نەپسكە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. چۈنكى، نەپسنىڭ ھەققى بار. بۇنىڭغا پەيغەمبەر سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۈستىڭدە دېگەن سۆزى دەلىلدۇر. ھەتتا بەزىلەر: ‹ماڭا›نەپسىڭنىڭمۇ ھەققى بار مۇنداق، مۇنداق يىل بولدى، مۇنداق نەرسىلەرنى كۆڭلۈم تارتىدۇ ، لېكىن ئۇنى يېمەيمەن» دەيدۇ. بۇنداق قىلىش بولسا ھالاللىقتىن قىڭغىر كەتكەنلىكتۇر ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە خىلاپتۇر. رەسۇل ئەكرەم تۇرۇم، بلا ۋە باشقا- سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆڭلى تارتقان تاتلىق ئىچەتتى. ئىلمى ئاز، شۇ سەۋەپتىن كۆڭلى تارتقان- نەرسىلەرنى يەپ. نەرسىلەردىن ئۆزىنى مەھرۇم قويىدىغان زاھىدقا پىسەنت قىلىنماسلىقى كېرەك چۈنكى، ئۇنداق زاھىد ئادالەتتىن يىراق، زۇلۇمغا يېقىنراقتۇر. كۆڭلى تارتقان نەرسىگە ئېرىشىش تەس بولسا ۋاز كەچكۈلۈك. مەسىلەن، كۆڭلى تارتقان نەرسىگە ناتوغرا يول ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولسا ياكى كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرنى يەپ ئىرادىسى بوشاپ كېتىشىدىن، نەتىجىدە نەپسىنىڭ ئۇنى داۋاملىق يېيىشنى تەمە ،قىلىشىدىن ياكى زىيادە تويۇپ كېتىپ ئىبادەتكە ئېغىرلىق قىلىشتىن قورقسا . ئىچىشتىن ساقلانغاي- ئۇنداقتا كۆڭلى تارتقان نەرسىنى يەپ

نەپسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم كۆڭۈل تارتقان نەرسىلەرنى بەزى ۋاقىتلاردا يېيىش كېسەلنى داۋالىغانغا ئوخشاش ئىش بولۇپ، بۇنداق قىلىش ماختىلىدۇكى، ھەرگىز ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. يول ماڭغاندا كۈچلۈك مېڭىش. ئۈچۈن نەپسىگە كۆيۈنسە ھېچقىسى يوق

گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بايانى

مەئسىيەتلەرنى- ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگۈچى زىنا ۋە باشقا گۇناھ تەرك ئېتىپ، ئۆزىنى «مەن ئەخلاقىمنى تۈزەتتىم ۋە نەپسىمگە قارشى جىھاد قىلىشتىن بىھاجەت بولدۇم» دەپ گۇمان قىلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بولسا ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس. گۈزەل ئەخلاق بولسا مۇئمىنلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ «پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا (كامىل) ئىمانى كۈچىيىدىغان ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا مۇئمىنلەردۇر. ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل-مالدىن (خۇدا يولىدا) سەرپ قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇر. ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغفىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېئمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ» «8ئەنفال-2-4»

،«(گۇناھلىرىدىن) تەۋبە قىلغۇچىلار، (ئىخلاس بىلەن) ئىبادەت قىلغۇچىلار (ئاللاھقا) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ، بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار (يەنى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ نەھيى قىلغان ئىشلىرىدىن يانغۇچىلار ھەم ئەھلى جەننەتتۇر)؛ مۇئمىنلەرگە (جەننەت» «9تەۋبە-112» !بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن

«مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. (شۇنداق مۇئمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر. ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر. ئۇلار، ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر. (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ). بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئۇلار (يەنى مۇئمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە مۇئمىنلەر نازۇ نېئمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر. ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە-» «23مۇئمىنۇن-1-11» ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ

«مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ (ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (ياقتۇرمايدىغان) سۆز قىلسا، ئۇلار .)«سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ (يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن (يەنى ناماز :ئوقۇش بىلەن) ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) ئېيتىدۇ «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەفئ قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن (سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن) ئايرىلمايدۇ. جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان، جايدۇر». ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەئبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم، ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن ،(ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ. پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ

ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. كىمكى (گۇناھلىرىغا) تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمەلىنى تۈزەيدىكەن، ئۇ ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى )قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ). ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ، نەسىھەت قىلىنسا- ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز گاس، كور بولۇۋالمايدۇ (يەنى ئۇنى بېرىلىپ ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدۇ). ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ »پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەئۋەت قىلغۇچى) قىلغىن دەيدۇ. ئەنە شۇلار سەبرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان) دۇئا ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ. ئۇلار !جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل قارارگاھ! نېمىدېگەن گۈزەل جاي، ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ (ئى كافىرلار! پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدىڭلار، (ئاخىرەتتە) سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا. ئايەتلەر-» «25فۇرقان-63-77» دۇچار بولىسىلەر

كىمگىكى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش قىيىن كەلسە، ئۆزىنى بۇ ئايەتلەرگە سالسۇن! بۇ ئايەتلەردىكى ئالامەتلەرنىڭ بولۇشى گۈزەل ئەخلاق ئىگىسىلىكنىڭ. ئالامىتىدۇر. بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ بولماسلىقى بەتئەخلاقلىقنىڭ ئالامىتىدۇر شۇنداق سۈپەتلەر بار بولۇپ، بەزىسى بولمىسا بەزى ئەخلاقنىڭ بولۇشىغا دالالەت قىلىدۇ. شۇڭا، كىشى ئۆزىدە بار ئەخلاقىنى ساقلاپ، يوق ئەخلاقلارنى ھاسىل !قىلىشقا تىرىشسۇن

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئمىننى كۆپ سۈپەتلەر بىلەن. سۈپەتلىدى ۋە شۇ سۈپەتلەر بىلەن گۈزەل ئەخلاققا ئىشارەت قىلدى

،«سەھىھەين»دە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جېنىم قول ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بىر بەندە ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىغا.»ياخشى كۆرمىگۈچە مۇئمىن بولالمايدۇ

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، مېھمىنىنى ئىكرئىمان ئېيتىدىكەن، قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت . دېگەن»قىلسۇن

يەنە بىر ھەدىستە: «ئىمانى ئەڭ كامىل بولغان مۇئمىن ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل. بولغان مۇئمىندۇر» دېگەن. باشقىلارنىڭ ئەزىيىتىگە سەبر قىلىش گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ قاتارىدىندۇر «سەھىھەين»دە رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر ئەئرابىي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تونىنى تارتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۈرىسىگە ئىز چىقىرىۋەتتى، ئاندىن ئەئرابىي: ‹ئى مۇھەممەد! قولۇڭدىكى ئاللاھنىڭ مېلىدىن ماڭا بۇيرۇپ بەرگىن› دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ. قاراپ كۈلدى، ئاندىن ئۇنىڭغا بىرنەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى

!پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قەۋمى ئەزىيەت بەرسە: «ئى ئاللاھ. قەۋمىمگە مەغپىرەت قىلغىن، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ» دەيتتى

ئۇۋەيس ئەلقەرەنىي كىچىك بالىلار تاش ئاتسا: «قېرىنداشلىرىم! ئەگەر تاش، ئاتمىساڭلار زادى بولمايدىغان بولسا، پۇتۇمغا كىچىك تاشلارنى ئېتىڭلار! بولمىسا. مېنى ناماز ئوقۇشتىن چەكلەپ قويىسىلەر» دەيتتى

ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم سەھراغا چىقتى. ئۇنىڭغا يولۇققان بىر ئەسكەر: «ئاۋات يەر قەيەردە؟» دەپ سورىغانىدى، ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم قەبرىستان، تەرەپكە ئىشارەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئەسكەر ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ يېرىۋەتتى »كېيىن ئەسكەرگە «سەن ئۇرغان كىشى ئبىراھىم ئىبنى ئەدھەم ئىدى دېيىشكەنىدى، ئەسكەر ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەمنىڭ بېشىنى ۋە قولىنى سۆيۈشكە ،باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم: ‹ئۇ مېنىڭ بېشىمغا ئۇرغاندا ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭغا جەننەتنى بېرىشىنى سورىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ مېنى ئۇرغانلىقى سەۋەبلىك مەن ئەجىرگە ئېرىشىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، شۇڭا مېنىڭ ئۇنىڭدىن بولغان نېسىۋەمنىڭ ياخشىلىق، ئۇنىڭ مەندىن بولغان نېسىۋېسىنىڭ. يامانلىق بولۇپ قېلىشىنى خاھلىمىدىم› دېدى

،بىر كىشى يولدا مېڭىۋاتسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدىن كۈل تاشلانغانىدى ھەمراھلىرى ئۇنىڭغا كايىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «ئوتقا لايىق كىشى .كۈلگە سۈلھ قىلىنسا، غەزەپلەنمەسلىكى كېرەك» دېدى

دېمەك، بۇ نەپسلەر تەربىيە قىلىش بىلەن بويسۇندۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن ئەخلاقلىرى تۈزەلگەن ۋە باتىنى ئالدامچىلىقتىن پاكلىنىپ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولغان نەپسلەردۇر. كىمكى ئاشۇ كىشىلەر تاپقان ئالامەتلەردىن بەزىسىنى .ئۆزىدە تاپالمىسا، شۇ ئالامەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى داۋاملىق تەربىيەلىسۇن. چۈنكى، ئۇ كىشى تېخى بۇ ئالامەتلەرگە يەتمىدى

پەسىل: كىچىك بالىلارنى دەسلەپكى ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تەربىيەلەش توغرىسىدا

بۆلۈم: “پەسىل: كىچىك بالىلارنى دەسلەپكى ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تەربىيەلەش توغرىسىدا”

ئانىسىغا ئامانەتتۇر. ئۇنىڭ قەلبى بىغۇبار- بىلگىنكى، كىچىك بالا ئاتا مەرۋايىتتۇر. غۇبارسىز مەرۋايىت ھەرقانداق نەقىشنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىچىك بالا ياخشلىق قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈلسە، ياخشىلىق ئۈستىدە ئانىسى، ئەدەب ئۆگەتكۈچى ئۇستازى ساۋابقا- ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاتا شېرىك بولىدۇ. ئەگەر يامانلىققا ئادەتلەندۈرۈلسە، يامانلىق ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەلىيسى گۇناھكار بولىدۇ. شۇڭا، بالىنى قوغداش، ئۇنىڭغا قائىدە ئۆگىتىش، تەربىيەلەش، ئۇنىڭغا گۈزەل ئەخلاقلارنى سىڭدۈرۈش- ئەدەب ۋە ئۇنى يامان ھەمراھلارغا ئارىلىشىپ قېلىشتىن ساقلاش كېرەك. ھەم بالىنى پاراۋان تۇرمۇشقا ئادەتلەندۈرمەسلىك، ئۇنىڭغا ھەشەمەت ۋە پاراغەتنىڭ مەنبەسىنى سۆيۈملۈك كۆرسەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا، چوڭ بولغاندا باياشات تۇرمۇش. تەلەپ قىلىپ ئۆمرىنى زايە قىلىدۇ

كىچىك بالىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ كۆزىتىش لازىم. بالىنى ئىنىكئانا ئېمىتمەكچى بولسا، دىندار، سالىھە، ھالالدىن يەيدىغان ئىنىكئانا ئېمىتىپ. بېقىشى كېرەك. چۈنكى، ھارامدىن ھاسىل بولغان سۈتتە بەرىكەت بولمايدۇ ئۇ ئالامەتنىڭ بېشى— قارىنى پەرق ئېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە- بالىدا ئاق بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر ۋە بالا بالاغەت يېشىغا يەتكەندە، ئەقلى— ھايادۇر قائىدە- مۇكەممەل بولىدىغانلىقىغا بېشارەتتۇر. بۇ ھالەتتە ئۇنىڭغا ئەدەب. ئۆگىتىشتە ئۇنىڭ ھايالىقلىقىدىن پايدىلانسا بولىدۇ

ئىچمەكتە- كىچىك بالا ئاسانلا ئۆگىنىۋالىدىغان تۇنجى سۈپەت يېمەك . ئىچىش ئەدەبلىرىنى ئۆگىتىش الزىم- ئاچكۆزلۈك قىلىشتۇر. شۇڭا، بالىغا يېيىش

نان تۆگۈرۈپ يەيدىغان نەرسىگە ئادەتلىنىپ قېلىپ، شۇنى شەرت قىلىۋالالماسلىقى ئۈچۈن، ناننى قۇرۇق يېيىشىكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. كۆپ تاماق يېيىشنى .بالىغا ھايۋانلارنىڭ كۆپ بوغۇز يەيدىغانلىقىغا ئوخشىتىپ قەبىھ كۆرسىتىش لازىم رەڭگارەڭ ۋە يىپەك كىيىملەرنى ئەمەس، بەلكى ئاق كىيىملەرنى كىيىشنى سۆيۈملۈك كۆرسىتىش ۋە «رەڭگارەڭ ۋە يىپەك كىيىملەرنى كىيىش ئاياللارنىڭ ۋە ھەمجىنىس. كىشىلەرنىڭ ئادىتى» دەپ ئۇنىڭ زېھنىگە سىڭدۈرۈش كېرەك

كىچىك بالىلارنى باياشات تۇرمۇشتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار بىلەن ئارىلىشىشتىن توسۇش، ئۇلارنى مەكتەپتە قۇرئان، ھەدىس ئۆگىنىش ۋە سالىھ كىشىلەرنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلارنىڭ ھاياتىنى مەشۇقلار- ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل قىلىش كېرەك ۋە شۇنداقلا ئاشىق. سۆزلىنىدىغان شېئىرلارنى يادقا ئالدۇرماسلىق كېرەك، كىچىك بالا گۈزەل خۇلق كۆرسەتسە ۋە مەدھىيەلىنىدىغان ئىشلارنى قىلسا ئۇنى ئىززەتلەش، خۇشال بولىدىغان نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلاش ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ماختاپ قويۇش كېرەك. ئەگەر بەزى ۋاقىتلاردا گۈزەل ئەخلاققا قارشى ئىش قىلسا، ئۇنى كۆرمەسكە سېلىش ۋە ئۇنى يۈزىگە سالماسلىق، ئەگەر يامان ئەخلاقنى قايتا قىلسا يوشۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇنى كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇتۇش ۋە كۆپ ئەيىبلىمەسلىك كېرەك. چۈنكى، كۆپ ئەيىبلەش مالامەت ئاڭلاشنى يەڭگىل ئىش قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيىبلىگۈچى !سۆزىنىڭ ھەيۋىتىنى ساقلىسۇن، ئانا بالىنى دادىسى بىلەن قورقۇتسۇن. كۈندۈزدە ئۇخلاشتىن توسسۇن چۈنكى كۈندۈزدە ئۇخلاش ھۇرۇنلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېچىدە ئۇخلاشتىن چەكلىمىسۇن. لېكىن، ئەزالىرى قېتىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۇمشاق كۆرپىدە ئىچمەكتە يىرىكلىككە- كېچەك ۋە يېمەك- تۆشەك، كىيىم- ياتقۇزمىسۇن. كۆرپە ئادەتلىنىشى، ھۇرۇن بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن چېنىقىش، ھەرىكەت قىلىش ۋە ئانىسىنىڭ قول ئىلكىدىكى نەرسىلەر بىلەن- مېڭىشقا ئادەتلىنىشى كېرەك. ئاتا كېچىكى بىلەن تەڭتۇشلىرىغا ماختىنىشتىن- ئىچمەك، ياكى كىيىم- ياكى يېمەك چەكلەنسۇن. بالىنى ئارىلاشقان كىشىلىرىنى ھۆرمەتلەش، كەمتەر بولۇشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. بالىنى ئۆزىگە ئوخشاش كىچىك بالىدىن بىرنەرسە ،ئېلىۋېلىشىدىن چەكلەش، «باشقىلاردىن بىرنەرسە ئېلىش دېگەن تۆۋەنلىك بېرىش بولسا ئۈستۈنلۈك» دەپ ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ كۆزىگە ئالتۇن، كۈمۈش. مۇھەببىتىنى قەبىھ كۆرسىتىش كېرەك

ئولتۇرغان ئورنىغا تۈكۈرمەسلىك، مىشقىرماسلىق، باشقىلار بار يەردە

ئەسنىمەسلىك، پۇتىنى پۇتىغا مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق ۋە كۆپ گەپ قىلماسلىققا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. بالىنى باشقىلار سوئال سورىسا جاۋاب بېرىش، ئۆزىدىن چوڭلار سۆزلىسە ياخشى قۇلاق سېلىش، ئۆزىدىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئورنىدىن تۇرۇپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئادەتلەندۈرۈش. كېرەك

مەينەت گەپ قىلىشتىن ۋە ئاغزى بۇزۇقلار بىلەن ئارىلىشىشتىن چەكلەش كېرەك. چۈنكى، كىچىك بالىلارنى قوغداشنىڭ ئاساسى ئۇلارنى يامان ھەمراھلارغا. ئارىلىشىشىتىن ساقلاشتۇر

بالا مەكتەپتىن چىققاندىن كېيىن، ئۆگىنىش ھارغىنلىقىدىن دەم ئېلىشى ئۈچۈن :گۈزەل ئويۇنلارنى ئوينشىغا كەڭ شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. بىر ھېكمەتتە .«قەلبلەرنى دەم ئالدۇرغىن، شۇندىلا زىكىرنى ئەستە تۇتىدۇ» دېيىلگەن

ئانىسىغا، مۇئەللىمىگە ئىتائەت قىلىشنى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنى- بالىغا ئاتا. ئۆگىتىش كېرەك

بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇش، تاھارەتسىز ناماز ئوقۇشقا. ئادەتلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تاھارەت ئالماسلىققا رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك، يالغان ئېيتىش ۋە خىيانەت قىلىشتىن قورقۇتۇش، بالاغەت يېشىغا يېقىنلاشسا. بەزى ئىشلارنى ئۆزى قىلىشقا تاشلاپ قويۇش كېرەك

دەرمانلارغا ئوخشاشتۇر. يېمەك- ئىچمەكلەر خۇددى دورا- بىلگىنكى، يېمەك يېيىشتىن مەقسەت بەدەننى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا كۈچلەندۈرۈشتۇر. دۇنيا پانىي، ئۆلۈم دۇنيا نېئمەتلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ، ئۆلۈم ئىنساننى ھەر لەھزە كۈتۈپ تۇرۇر. ئاخىرىتى ئۈچۈن ئوزۇق ئالغان كىشى ئەقىللىق كىشىدۇر، ئەگەر بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ياخشى بولسا، بۇلار بالىنىڭ قەلبىدە تاشقا نەقىش. ئويغاندەك مۇستەھكەم ئورۇن ئالىدۇ

سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ ئەتتۇستەرىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر:

«مەن ئۈچ ياش ۋاقتىمدا كېچىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئانا تەرەپ تاغام :مۇھەممەد ئىبنى سەۋۋارنىڭ ناماز ئوقۇشىغا قارايتتىم، تاغام ماڭا بىر كۈنى

— سېنى ياراتقان ئاللاھنى زىكىر قىلامسەن؟ — دېگەنىدى، مەن:

— قانداق زىكىر قىلىمەن؟ — دېدىم. ئۇ:

ياتار چېغىڭدا تىلىڭنى ھەرىكەتلەندۈرمەي، قەلبىڭدە ئۈچ قېتىم: ‹ئاللاھ—

— مەن بىلەن بىللە، ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ماڭا گۇۋاھ› دېگىن. دېدى

شۇنداق قىلىپ مەن بىرنەچچە كېچىلەر شۇنداق دېدىم، ئاندىن ئۇنىڭغا قېتىم دېگىن!› دېدى. مەن ئۇ11 ئېيتىپ بەردىم. ئۇ: ‹ئەمدى ھەر كېچىدە دېگەندەك قىلدىم ۋە بۇنىڭ ھالاۋىتىنى قەلبىمدە ھېس قىلدىم. بىر يىلدىن :كېيىن ماڭا تاغام

مەن ساڭا ئۆگەتكەن كەلىمىلەرنى ئېسىڭدە تۇتقىن، قەبرەڭگە كىرىپ— دېدى. مەن ئۇدا بىرنەچچە يىل— بولغۇچە شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن ئىچىمدىن ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى ھېس قىلدىم. ئاندىن تاغام- تەكرارلىدىم ۋە ئىچ :ماڭا

ئى سەھل! ئاللاھ ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان، ئاللاھ قاراپ تۇرغان ۋە—

  • گۇۋاھ بولغان بىر كىشى يەنە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلامدۇ؟ گۇناھ دېدى — مەئسىيەتلەردىن ساقلانغىن. مەن مەكتەپكە باردىم ۋە ئالتە يەتتە ياش ۋاقتلىرىمدا قۇرئاننى يادقا ئالدىم ئارپا نېنى بىلەن يىلنىڭ كۆپ كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتىم. كېيىن ھەر كېچە قىيامدا.»تۇرىدىغان بولدۇم

پەسىل: ئىرادىنىڭ شەرتلىرى ۋە نەپسكە قارشى جىھاد قىلىشنىڭ مۇقەددىمىلىرى ۋە رىيازەت يولىدا ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلەش

بۆلۈم: “پەسىل: ئىرادىنىڭ شەرتلىرى ۋە نەپسكە قارشى جىھاد قىلىشنىڭ مۇقەددىمىلىرى ۋە رىيازەت يولىدا ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلەش”

بىلگىنكى، ئاخىرەتنى قەلبى بىلەن ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ ئۇ دۇنيانى كۆزلىشى ۋە بۇ دۇنيادىن قول ئۈزۈشى مۇقەررەردۇر. چۈنكى، بىراۋنىڭ ئىلكىدە مارجان بولۇپ، كېيىن قىممەتلىك مەرۋايىتنى كۆرسە، ئۇنىڭ مارجانغا، قىزىقىشى قالمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا: «مارجاننى مەرۋايىتقا ساتقىن» دېيىلسە .دەرھال ماقۇل بولىدۇ

بىلگىنكى، ئاللاھ تائالا ئۇ دۇنيانى كۆزلەشنى نېسىب قىلغان كىشى ئۈچۈن نەپسىنى تەربىيەلەشتە باشتا ئورۇندىمىسا بولمايدىغان شەرت، چىڭ ئېسلىپ. ماڭىدىغان يولباشچى ۋە قوغدىنىدىغان قورغانلار بولۇشى لازىمدۇر

ئورۇندىلىشى زۆرۈر شەرت بولسا: گۇناھ ئىشلارنى تاشلاش ئارقىلىق ئۆزى .بىلەن ئىگىسى ئارىسىدىكى پەردىنى كۆتۈرۈش

يولباشچى بولسا: شەيتانلار ئازدۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەق يولنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ئۇستازدۇر.

ھەۋىسىگە قارشى- قورغان بولسا: خىلۋەتتە قېلىشتۇر. كىشى يەنە ھاۋايى .ئىش قىلىشى، زىكىرنى كۆپ، ۋىردلەرنى ئوتتۇراھال قىلىشى كېرەك

نەپسنى تەربىيەلەشنىڭ چېكى: قەلبىنى دائىم ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە ھېس قىلىش. بۇ ھال باشقىلاردىن خالىي قالغاندا مۇمكىن بولىدۇ. ئىنسان نەپسىگە قارشى ئۇزۇن مۇددەت جىھاد قىلغاندا، ئاندىن خىلۋەت ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئاللاھ رازىلىقىنى ئىرادە قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنى تەدرىجىي چېنىقتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش، يولىدۇر. ھەربىر سۈپەتتە تەربىيەلىنىشنىڭ تەپسىلاتى يېقىندا كەلگۈسى .ئىنشائاللاھ

ئىزاھاتلار:

  • ) «سەھىھ284 ،). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە1162( )؛ تىرمىزىي4682( ئەبۇ داۋۇد. دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى»
  • 1057( )؛ مۇسلىم5809( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي

ئون ئالتىنچى بۆلۈم: ئىككى شەھۋەتنى (قورساق ۋە جىنسىي شەھۋەتنى) بېسىقتۇرۇش

بۆلۈم: “ئون ئالتىنچى بۆلۈم: ئىككى شەھۋەتنى (قورساق ۋە جىنسىي شەھۋەتنى) بېسىقتۇرۇش”

قورساق شەھۋىتى ئەڭ چوڭ ھالاكەتلەردىن بىرىدۇر. ئادەم ئەلەيھىسسالام دەل دۇنياغا- مۇشۇ سەۋەبلىك جەننەتتىن چىقىرىلدى. جىنسىي شەھۋەت ۋە مال قىزىقىشمۇ قورساق شەھۋىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە كۆپ ئاپەتلەرمۇ كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەددىدىن ئارتۇق توقچىلىقتىن پەيدا. بولىدۇ

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇئمىن بىر. ئۈچەيگە، كافىر يەتتە ئۈچەيگە يەيدۇ» دېگەن

يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئادەم بالىسى قورسىقىدىنمۇ يامان بىر قاچىنى توشقۇزمايدۇ، (ھالبۇكى) ئادەم بالىسىغا ھاياتىنى ئىچىش يېتەرلىكتۇر. مەگەركى كىشىنىڭ ئاتۇقراق يېگۈسى- ساقلىيالىغۇدەك يەپ بولسا، قورسىقىنى ئۈچكە بۆلسۇن: ئۈچتىن بىرى تاماق، ئۈچتىن بىرىگە ئىچىملىك، ئۈچتىن بىرى نەپەس ئېلىشى ئۈچۈن بولسۇن» دېگەن.

ئۇقبە راسىبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەسەن بەسرىينىڭ يېنىغا :كىرگەنىدىم. ئۇ نانۇشتە قىلىۋېتىپتىكەن. ئۇ ماڭا

قېنى كەل! دېگەنىدى، مەن:

. مەن تاماق يېيەلمىگۈدەك دەرىجىدە تاماق يەپ بولۇپتىكەنمەن، دېدىم :ئۇ

. سۇبھاناللاھ! مۇسۇلمان تويۇپ كەتكۈدەكمۇ تاماق يەمدۇ؟! دېدى

زاھىدلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاز تاماق يېيىش ۋە ئاچلىققا سەبر قىلىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتى. بىز ئۇلارنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئەيىبلىرىنى باشقا بىر كىتابتا بايان قىلدۇق. يەنە يېگۈسى بار تۇرۇپ، تاماقتىن قولىنى تارتىش تائام يېيىشتىكى ئادىللىق دەرىجىسىدۇر. تائام يېيىشتىكى ئەڭ گۈزەل دەرىجە بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۇقىرىقى: «قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرى »تاماق، ئۈچتىن بىرى ئىچىملىك، ئۈچتىن بىرى نەپەس ئېلىش ئۈچۈن بولسۇن. دېگەن سۆزىدە تەۋسىيە قىلغان دەرىجىدۇر

غىزالىنىشتا ئادىللىققا رىئايە قىلىش تەننى ساغلام قىلىدۇ ۋە كېسەللىكنى يوق ئىچىشتىكى ئادىللىق دەرىجىسى بولسا ئىشتىھا تارتمىغۇچە تاماق- قىلىدۇ. يەپ. يېمەسلىك، تائام يېگەندە ئىشتىھا قانماي تۇرۇپ قولنى تائامدىن تارتىشتۇر قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بىر قىسىم- داۋاملىق ئاز تاماق يېيىش كۈچ كىشىلەر يېمەكلىكلىرىنى ئازايتىپ، پەرز ئەمەللەرنى قىلىشتا سەھۋەنلىك. ئۆتكۈزدى. ئۇلار نادان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى پەزىلەت دەپ ئويلاپ قالدى ئەمەلىيەت بولسا ئۇنداق ئەمەستۇر. ئاچلىقنى ماختىغانلار پەقەت بىز تىلغا ئېلىپ ئىچمەكتە ئادىللىق دەرىجىسىگە رىئايە قىلىش) ھالغا ئىشارەت- ئۆتكەن (يېمەك. قىلغاندۇر

قورساق شەھۋىتىنى بويسۇندۇرۇش غەيرىتى چېنىقىش يولى

— بىز ئىشارە قىلغان— داۋاملىق تويغۇچە يەپ ئادەتلەنگەن كىشى ئاستا- ئوتتۇراھاللىق دەرىجىسىگە يەتكۈچە تامىقىنى مەلۇم مۇددەتتە، ئاستا ئازايتىشى كېرەك. ئىشلارنىڭ ئەڭ خەيرلىكى ئوتتۇراھال بولغىنىدۇر. ئىبادەتتە - قىينالمىغۇدەك دەرىجىدە غىزالىنىش ماقۇلدۇر. بۇ دەرىجىدە غىزالىنىش كۈچ قۇۋۋەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا يېتەرلىكتۇر. بۇنىڭدا كىشى ئاچلىق ياكى زىيادە توقلۇق ھېس قىلمايدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا بەدەن ساغلام تۇرىدۇ، ئىرادە ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ۋە پىكىر ساپ بولىدۇ. كۆپ تائام يېيىش كۆپ ئۇخلاش ۋە زېھىن ئېغىرلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سەۋەبى، كۆپ تائام يېسە، مېڭىدە ھور كۆپىيىپ، پىكىر قىلىش ۋە ئەسكە ئېلىش ئورنىنى ئېتىۋالىدۇ ۋە باشقا كېسەللەرنى .پەيدا قىلىدۇ

شەھۋەتلەرنى كونترول قىلىشتا رىيا ئاپىتىنىڭ بايانى

شەھۋەتلىرىدىن بىرەر نەرسىنى تاشلىغان كىشى رىيا قىلىپ قېلىش ئاپىتىدىن ئېھتىيات قىلسۇن! بەزىلەر كۆڭلى تارتقان نەرسىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ياقتۇرمىسىمۇ ئۆيىگە ئېسىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ زاھىدلىقىنى ياپاتتى. بۇ بولسا بىر ئىشنىڭ دەل ئەكسىنى قىلىش بىلەن قىلىنغان زاھىدلىق ئىچىدىكى زاھىدلىقتۇر. بۇ ھەم

سىددىقلارنىڭ ئەمىلىدۇر. چۈنكى، بۇنداق قىلالىغۇچى نەپسىگە سەبر قەدىھىنى .ئىككى قېتىم ئوتلاتقان كىشىدۇر. ئىككىنچىسى تېخىمۇ ئاچچىقتۇر

ئەۋرەت شەھۋىتى بىلگىنكى، جىنسىي شەھۋەت ئىنسانغا ئىككى پايدا ئۈچۈن بېرىلگەندۇر.

بىرىنچىسى، ئىنسان نەسلىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن؛ ئىككىنچىسى، ئاخىرەت لەززىتىگە قىياس قىلالىغۇدەك بىر لەززەتنى تېتىيالىشى ئۈچۈن. چۈنكى، تۈرىنىڭ لەززىتى بىلىنمىگەن بىرنەرسىگە كۆپ قىزىقىش بولمايدۇ. لېكىن، جىنسىي. شەھۋەت نورمال بولمىغاندا، كۆپ ئاپەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .شۇنداق بولمىغاندا ئىدى، ئاياللار شەيتاننىڭ قاپقانلىرى بولمىغان بولاتتى

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەندىن كېيىن. ئەرلەرگە ئاياللاردىنمۇ زىيانلىقراق بىر پىتنە قالدۇرمىدىم» دېگەن

بىر سالىھ كىشى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىراۋ ماڭا دۆلەت خەزىنىسىنى ئامانەت قويسا، ئامانەتكە رىئايە قىلالىشىمغا ئىشەنچىم بار. ئەمما بىر سائەت خالىي قالالىغۇدەك ھالدا بىر قارا تەنلىك ئايال ماڭا ئامانەت قىلىنسا، بۇ ھەقتە .»نەپسىمگە ئىشەنچ قىلالمايمەن

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەر كىشى يات ئايال بىلەن خالىي. بىر يەردە بولمىسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتاندۇر» دېگەن

بۇ شەھۋەتتە ھەددىدىن ئېشىش بەزىدە ئاداققى پەللىگە يېتىدۇ. ھەتتا ئەر كىشى ئاياللارغا بېرىلگەنلىكىدىن ئاخىرەتنى ئەسلەشتىن غاپىل قالىدۇ. بەزىدە كىشىنى پاھىش قىلىشقا سۆرىسە، بەزىدە ئىشق ئوتىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئەڭ مەينەت شەھۋەت ئاشىقلىقتۇر. ھەممىدىن بەك ئىشق شەھۋىتىگە چۈشۈشتىن ساقلىنىش ۋە .ئار قىلىش كېرەك

ئابرۇي، شىشخلا ياكى شاھمات- دۇنيا، ئەمەل- كۆپ كىشىلەردە «مال ئويناش، تەمبۇر ئىشقى» دېگەندەك ئىشىقلار بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەر قەلبلەرنى ئىگەللەپ، قىلمىسا تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. دەرۋەقە دەسلەپكى باسقۇچلاردا بۇنداق ئىشقتىن ساقلىنىش ئاسان. كېيىنكى باسقۇچلارغا ئۆتكەندە بولسا، قاتتىق داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ئاشىقلىققا دورا كار قىلمايدۇ.

بۇ ھال خۇددى بىر ئىشىكتىن كىرمەكچى بولغان سەركەش ھايۋاننى دەرھال چۇلۋۇرىنى تارتىپ تىزگىنلىگەن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ھايۋاننى - ئىشىكتىن كىرىشتىن بۇرۇن چۇلۋۇرىدىن تارتىپ توسۇش نېمىدېگەن ئاسان ھە! ئىشق چوڭقۇر باغلىنىپ بولغاندىن كېيىن، داۋالىماقچى بولۇش بەئەينى ھايۋاننى ئىشىكتىن كىرگىلى، بوسۇغىدىن ئۆتكىلى قويۇپ، ئىچىگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ ئارقىسىغا سۆرەشكە ئوخشايدۇ. بۇ ! ھە- ئىككى ھالەت ئارىسىدىكى پەرق نېمىدېگەن چوڭ

ئىزاھاتلار:

  • 2062 ،2060( )؛ مۇسلىم5393( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي
  • . ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى2740( )؛ مۇسلىم5096( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي

ئون يەتتىنچى بۆلۈم: تىلنىڭ ئاپەتلىرى

بۆلۈم: “ئون يەتتىنچى بۆلۈم: تىلنىڭ ئاپەتلىرى”

تۈمەندۇر. ئۇلار كۆڭۈلگە- تىلنىڭ ئاپەتلىرى ھەم بەك كۆپ، ھەم تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەردۇر ۋە ئىنسان تەبىئىتى تەرىپىدىن ئىلھاملاندۇرۇلغۇچىدۇر. ئۇنىڭ خەتەرلىرىدىن پەقەت سۈكۈت قىلىش بىلەنلا قۇتۇلۇش مۇمكىن. شۇڭا، بىز ئاۋۋال سۈكۈت قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى، ئاندىن تىلنىڭ ئاپەتلىرىنى تەپسىلى بايان. قىلىمىز، ئىنشائاللاھ. بىلگىنكى، سۈكۈت قىلىش ئىرادىنى يىغىپ، پىكىرنى ساپ قىلىدۇ

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: مۇنداق دېگەن )«كىمكى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىسى (ئاغزى) ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسى (ئەۋرىتى .»نى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كېپىلمەن

يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر بەندىنىڭ ئىمانى ئۇنىڭ قەلبى توغرا بولمىغۇچە توغرا بولمايدۇ، ئۇنىڭ.»قەلبى تىلى توغرا بولمىغۇچە توغرا بولمايدۇ

مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر :سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ

— بۇ تىلىڭنى يىغ! — دېگەنىدى، مەن:

ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز قىلغان سۆزلىرىمىزگىمۇ جاۋابكارلىققا— : دېدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم— تارتىلامدۇق؟

ئاناڭ ھەسرىتىڭگە ئۆرتەنسۇن ئەي مۇئاز! كىشىلەرنىڭ يۈزىچىلاپ ۋە— بۇرۇنلىرى يەر سىزىپ دوزاخقا تاشلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغىنى ئۇلارنىڭ تىللىرى .» دېدى— !بولماي نېمە؟

يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى تىلىنى (يامان سۆزلەردىن) توختاتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» دېگەن

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇن قاماپ قويۇشقا.»تىلىمدىنمۇ لايىقراق بىرنەرسە يوق. ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاغزىڭ ئالدىدا ئىككى قۇلىقىڭغا ئادىل بول چۈنكى، ‹ئازراق سۆزلەپ كۆپرەك ئاڭلا› دەپ ساڭا ئىككى قۇلاق، بىر ئېغىز بېرىلگەن» دېگەن

يىلدىن بېرى ئاخىردا ئۆزرە50« :مەخلەد ئىبنى ھۇسەين رەھىمەھۇللاھ. ئېيتقۇدەك ھېچبىر سۆزنى سۆزلەپ باقمىدىم» دېگەن

سۆزلەشنىڭ ئاپەتلىرى توغرىسىدا

. بىھۇدە سۆزلەش:بىرىنچى ئاپەت

قىممىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىقى- بىلگىنكى، ۋاقتىنىڭ قەدر ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى ئۇنى پەقەت پايدىلىق ئىشلارغىلا سەرپ قىلىدۇ. بۇ سۆزلەردىن توختىتىدۇ. چۈنكى، ئاللاھنى زىكىر- ئاڭ تىلنى بىھۇدە گەپ ، سۆز قىلغان كىشى گۆھەر ئېلىشقا قادىر تۇرۇپ- قىلىشنى تاشلاپ، بىھۇدە گەپ. ئۇنىڭ ئورنىغا سېغىز لاي ئالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئۆمۈرلۈك زىياندۇر

بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلاردىن قول ئۈزۈش ئىنساننىڭ ئېسىل مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىندۇر» دېگەن

لوقمان ھەكىمگە: «سېنىڭ ئىلمىڭ قايسى سەۋىيەدە؟» دېيىلگەنىدى، لوقمان. ھەكىم: «ئېھتىياجىم يوق نەرسىنى سورىمايمەن، بىھۇدە گەپ قىلمايمەن» دېدى

،رىۋايەت قىلىنىدۇكى، لوقمان ھەكىم داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى شۇ چاغدا ھەزرىتى داۋۇد ساۋۇت توقۇۋاتاتتى. ھەزرىتى لوقمان كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە قاتتىق ھەيران بولدى. ئاندىن داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن سوراي دېدى يۇ، ئۆزىگە بېرىلگەن ھېكمەت ئۇنداق قىلىشتىن توستى ۋە سوراشتىن ئۆزىنى- تۇتۇۋالدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ساۋۇتنى توقۇپ پۈتتۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۇنى كىيىپ كۆرۈپ: «ئۇرۇشقا ساۋۇت نېمىدېگەن ياخشى ھە!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن لۇقمان ھەكىم: «سۈكۈت قىلىش ھېكمەتتۇر، لېكىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچى ئازدۇر» دېدى.شى- ئۇنى كىيدى بىلەن لوقمان ھەكىم: «سۈكۈت ساقلاش بىر ھېكمەتتۇر، لېكىن قىلالايدىغانلار. بەك ئازدۇر» دېدى

. باتىل ئىش ھەققىدە پاراڭلىشىش:ئىككىنچى ئاپەت

  • يەنى، ھاراق سورۇنلىرى ۋە پاسىقلارنىڭ مەجلىسلىرى كەبى گۇناھ. مەئسىيەتلەر بولىدىغان ئورۇنلار ھەققىدە پاراڭلىشىش

باتىلنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بەندە (ئويلىماستىن) بىر ئېغىز سۆزنى سۆزلەيدۇ ۋە شۇ سۆزى سەۋەبلىك مەشرىق.»بىلەن مەغرىب ئارىسىدىكى مۇساپىدىنمۇ چوڭقۇرراق دوزاخقا غۇلاپ كېتىدۇ

، تارتىش قىلىشتۇر. يەنى- بۇنىڭغا يېقىن بىر ئاپەت: جېدەللىشىش ۋە تالاش قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى يۈزىگە سېلىش ۋە ئاغزىنى ئاچقۇزماسلىق ئۈچۈن. مۇنازىرىلىشىش. بۇنىڭ سەۋەبى كىشىدىكى ئابرۇي ۋە چوڭچىلىق سەۋداسىدۇر. كىشى مۇنكەر سۆزگە قارشى تۇرۇشى ۋە توغرىسىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، ئەگەر دىنغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا كىشىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنسا قىلىندى تارتىشتىن قېچىش كېرەك. دۇنيا ئىشلىرىغا- قوبۇل قىلىنمىسا، تالاش تارتىش ۋە مۇنازىرە تېخىمۇ بىھۇدە. ئۇشبۇ- مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا تالاش ئاپەتنىڭ دورىسى ۋە داۋاسى ئۈستۈنلۈكىنى داملاتقۇزىدىغان كىبرىنى سۇندۇرۇپ. تاشلاشتۇر

. تارتىشنىڭ ئەڭ قەبىھى ئاداۋەت ساقلاش / دۈشمەنلىشىشتۇر- بىلگىنكى، تالاش . تارتىشنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ- چۈنكى، دۈشمەنلىشىش تالاش

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا ئەڭ يامان كۆرىدىغان . بۇ دۈشمەنلىشىشكىشى ئەشەددى دۈشمەنلىك قىلىدىغان كىشىدۇر» دېگەن ناھەق ياكى نادانلارچە دۈشمەنلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ھەق بولغان تەقدىردىمۇ مۇمكىنقەدەر دۈشمەنلىشىشتىن قېچىش كېرەك. چۈنكى، دۈشمەنلىشىش كىشى دىلىنىڭ ئادەۋەت بىلەن تولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ، غەزەپنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئىپپەت - نومۇسقا تىل تەگكۈزۈشكىچە ئېلىپ بارىدۇ.

ئۈچىنچىسى: سۆزلىگەندە ئاغزىنى، يۈزىنى ھەرخىل ئۇچلاپ، بۇراپ گەپ قىلىش;چىنچى ئاپەت. گەپدانلىق قىلىش ۋە دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلىش ئۈچۈن زورۇقۇش

ئەبۇ سەئلەبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ۋە قىيامەت كۈنى مەندىن ئەڭ يىراق بولىدىغىنىڭلار ئەخلاقى ئەڭ يامىنىڭلار، گېپى تولا ۋە .»دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن گەپنى ئۇزارتىدىغىنىڭلاردۇر

خەتىبلەرنىڭ خۇتبىلىرى، مۇبالىغىسىز ۋە غەلىتە سۆزلەر قوشۇلمىغان ئۈگۈتلەر. مەكرۇھ كۆرۈلىدىغان ئەدەبىياتۋازلىق ۋە ياسالما سۆزلەر جۈملىسىدىن ئەمەستۇر چۈنكى، مەقسەت قەلبلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، تەشۋىق قىلىش، خۇش بېشارەت. بېرىش ۋەھاكازالار

ھاقارەت ۋە شۇنىڭدەك سۆزلەرنى- ھاياسىز پاراڭلار، تىل:تۆتىنچى ئاپەت قىلىش. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىنىي جەھەتتىن ئەيىبلىنىدۇ ۋە چەكلىنىدۇ. بۇلارنىڭ. مەنبەسى رەزىللىك ۋە ناچارلىقتۇر

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەت گەپلەردىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى، ئاللاھ سەت گەپلەرنى ۋە ئاغزى بۇزۇق بولۇۋېلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەن

يەنە بىر ھەدىستە: «ھەرقانداق مەينەت گەپ قىلغۇچىغا جەننەت ھارامدۇر» دېيىلگەن.

  • يەنە بىر ھەدىستە: «مۇئمىن دېگەن دىل ئازار گەپ قىلمايدۇ، ئىپپەت »نومۇسقا تىل تەگكۈزمەيدۇ، لەنەت ئېيتمايدۇ ۋە ئاغزى بېزەپ بولمايدۇ .دېيىلگەن

بىلگىنكى، ھاياسىز پاراڭلار پەس تىللىق سۆزلەرنى ئاشكارا سۆزلەشتۇر. بۇ پاراڭلاردا كۆپىنچە جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار گەپلەر بولىدۇ. شەكسىزكى، ئەدەب ۋە ھايا ئىگىلىرى بۇنداق گەپلەردىن ئۆزىنى تارتىدۇ ۋە ئۇنداق ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشتە يېپىپ گەپ قىلىدۇ. مەلۇم رەمىزلەر بىلەن ئىشارە قىلىدۇ، يېقىنراق ۋە ئالاقىدار سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

ناخشا ئېيتىشمۇ تىلنىڭ ئاپەتلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ توغرۇلۇق بايانلار باشقا. ئورۇندا بايان قىلىندى

راستچىللىق شەرتى بىلەن— بەشىنچى ئاپەت: چاقچاقچىلىق. ئازراق چاقچاق جائىزدۇر. دەرۋەقە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ چاقچاق— . ئۇ زات بىر كىشىگە چاقچاققىلاتتى، چاقچاق قىلغاندا پەقەت ھەقنى دەيتتى . يەنە بىر كىشىگە: «بىز سېنىقىلىپ: ‹ئى قوش قۇلاقلىق!› دېگەن :. بىر كەمپىرگەھىڭگاننىڭ بالىسىغا مىندۈرۈپ قويىمىز» دەپ چاقچاق قىلغان دەپ چاقچاق قىلىپ، بۇ ئايەتلەرنى»«قېرى مومايلار جەننەتكە كىرمەيدۇ «شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ (خاتۇن) لارنى يېڭىدىن ياراتتۇق ۋە پاك قىزلار :ئوقۇغان ». باشقا بىر ئايالغا: «ئىككى كۆزىدە ئاقلىق بار ئېرىڭىز» «56ۋاقىئە-35-36» قىلدۇق. دېگەن

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاقچىقىدا ئۈچ نەرسە بىرلەشكەن ئىدى:

  1. ھەقىقەتنى تىلغا ئېلىشى;
  2. ئاياللار، كىچىك بالىلار ۋە ئۆزىنىڭ تەربىيەگە موھتاج ئاجىز ئەرلەر بىلەن چاقچاقلىشىشى;
  3. كەمدىن كەم بولۇشى. شۇڭا، داۋاملىق چاقچاق قىلىدىغان كىشىلەر ھەزىلكەشلىكىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاقچاقلاشقانلىقىنى دەلىل كەلتۈرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، كەم كۆرۈلگەن بىر ئىشنىڭ ھۆكمى دائىم بولىدىغان بىر ئىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ھەبەشلەرنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈۋېلىشى ئۈچۈن تۇرۇپ بەرگەنلىكى ۋە ئائىشەگە ھەبەشلەرنىڭ نەيزە ئويۇنىنى تاماشا قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، كېچە-كۈندۈز ھەبەشلەر بىلەن بىللە بولسا ۋە ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى تاماشا ئەيلىسە، خاتالاشقان بولىدۇ. چۈنكى، ھەقىقەتتە ئۇ — رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدا — ناھايىتى كەم كۆرۈلگەن بىر ئىشتۇر. دېمەك، چاقچاق قىلغاندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە داۋاملىق چاقچاق قىلىش چەكلىنىدۇ. چۈنكى، كۆپ چاقچاق قىلىش ئىنساننىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاقچاقلىرىدەك ئازغىنە چاقچاقلار بولسا خۇشاللىق پەيدا قىلىپ، كۆڭۈلنى ئازادە قىلىدۇ.

. مازاق ۋە مەسخىرە قىلىش:ئالتىنچى ئاپەت

مازاق قىلىش: قارشى تەرەپنى مەنسىتمەسلىك ۋە ھاقارەت قىلىش ھەمدە كەمچىلىك ۋە ئەيىبلىرىنى خەق كۈلگۈدەك دەرىجىدە پاش قىلىپ، دىققەت تارتىشتۇر. مازاق / ھەجۋى قىلىش بەزىدە ئاغزاكى ياكى ھەرىكەتلىك دورامچىلىق بىلەن، بەزىدە ئىما ۋە ئىشارەت بىلەن بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شەرئەن. چەكلەنگەن. «قۇرئان كەرىم» ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە نەھىي قىلىنغاندۇر

سىرنى ئاشكارىلاش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، يالغان:يەتتىنچى ئاپەت، سۆزلەش ۋە يالغان قەسەم ئىچىش. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن چەكلەنگەن. لېكىن بىر كىشىنىڭ ئۆز ئايالىغا قارىتا ۋە ئۇرۇشتا ئېيتىشقا رۇخسەت قىلىنغان يالغانلار. مۇباھتۇر

مۇباھ يالغاننىڭ قائىدە ۋە ئۆلچىمى مۇنداق: پەقەت يالغان ئېيتىش بىلەنلا مەقسەتتىكى— ئېرىشكىلى بولىدىغان گۈزەل غايە ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان يالغان مۇباھتۇر. ئەگەر مەقسەت قىلىنغان ئىش— ئىش قىلىش مۇباھ ئىش بولسا ۋاجىب ئىش بولسا، يالغان ئېيتىشمۇ ۋاجىب بولىدۇ. دېمەك، مۇمكىنقەدەر يالغان. ئېيتىشتىن ساقلىنىش كېرەك

ئىككى بىسلىق سۆز قىلىشقا رۇخسەتتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ

ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ئىككى بىسلىق گەپلەرنى قىلىشتا يالغانچىلىقتىن. دېگەن »قاچقىلى بولىدۇ

ئىككى بىسلىق گەپلەرنى زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا قىلىشقا رۇخسەت. ئېھتىياج چۈشمىسىمۇ ئىككى بىسلىق گەپلەرنى قىلىش، يالغانچىلىققا ئوخشاپ قالغانلىقى .ئۈچۈن، مەكرۇھتۇر

ئىككى بىسلىق گەپلەر ھەققىدە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەدىن مۇنداق ۋەقەلىك رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە بىر چۆرىسى بىلەن بىللە بولىدۇ. بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئايالى بىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايالى بىر پىچاقنى ئېلىپ ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ھالبۇكى ئېرى ئۇ چۆرە بىلەن ئىشىنى تۈگىتىپ قوپۇپ :بولغان ئىدى. ئايالى ئۇنىڭغا

— شۇ ئىشنى قىلدىڭمۇ؟ — دەيدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە:

— مەن ھېچنىمە قىلمىدىم — دەيدۇ، ئايالى.

يا ماڭا قۇرئان ئوقۇپ بېرىسەن ياكى بولمىسا بۇ پىچاق بىلەن قارنىڭنى— دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ— !يېرىۋېتىمەن :مۇنداق دەيدۇ

،پەيغەمبىرىمىز يولباشچىمىز ئېلىپ كەلدى قۇرئاننى ،ئەما ئىدۇق تاپتۇق يولنى، تاشلىدۇق زالالەتنى ،بىدارىدۇر ئول زاتى خۇلۇق، قىيامدىدۇر ئۈممەت ئۈچۈن. غەپلەت ئىچرە ياشار مۇشرىك، بىلمەس بۇ ھەقىقەتنى

،ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەنىڭ ئايالى بۇنى ئاڭلاپ: «مەن كۆزۈمگە ئەمەس. ئاللاھ تائالاغا ئىشەندىم» دەيدۇ

:ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھنى باشقىلار ئىزدەپ كەلسە، چۆرىسىگە »«بېرىپ ئۇلارغا: ‹(نەخەئىينى) مەسجىدتىن ئىزدەپ بېقىڭلار› دەپ قويۇڭ. دەيتتى

.«بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى» دېگەن رىۋايەت زەئىفتۇر

«ئىمران ئىبنى ھۇساين، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ دېگەن سۆزى» دېگەن

سەككىزىنچى ئاپەت: غەيۋەت قىلىش. ئۇلۇغ قۇرئانىمىزدا غەيۋەت قىلىشنى قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشكە ئوخشاتقان.ككىزىنچى ئاپەت چەكلىگەن ۋە غەيۋەت قىلغۇچىنى ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېگۈچىگە .ئوخشاتقان

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن » بىرىڭلارغا ھارامدۇر- ئابرۇيلىرىڭلار بىر- قانلىرىڭلار، ماللىرىڭلار ۋە يۈز. دېگەن

ئەبۇ بەرزە ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئاغزىدا مۇسۇلمان بولۇپ، ئىمان دىلىغا ئۆتمىگەنلەر! مۇسۇلمانلارغا ئازار بەرمەڭلار. ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئەيىبلىرىنى پايلاپ، يۈرمەڭلار. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ يوشۇرۇن ئەيىبىنى ئىزدەپ يۈرىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدۇ. ئاللاھ بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەپ قالسىلا ئۇنى چوقۇم رەسۋا قىلىۋېتىدۇ» دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: مۇنداق دېگەن .«غەيۋەت قىلىشتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، غەيۋەت زىنادىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر كىشى بەزىدە زىنا قىلىدۇ، ھاراق ئىچىدۇ ئاندىن تەۋبە قىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. (ئەمما) غەيۋىتى قىلىنغان كىشى كەچۈرمىگۈچە .»غەيۋەت قىلغان كىشىنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ

!ئەلى ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتۇر: «غەيۋەت قىلىشتىن ساقلان.»چۈنكى، غەيۋەت قىلىش ئىت مىجەز كىشىلەرنىڭ قوشۇمچە يېمىكىدۇر

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە ساھابەلەرنىڭ بۇ ھەقتە .كەلگەن سۆزلىرى ناھايىتى كۆپ ۋە مەشھۇردۇر

غەيۋەت قىلىش دېگىنىمىز: يېنىڭدا يوق قېرىندىشىڭنى ئۆزى ئاڭلىسا يامان كۆرىدىغان سۆزلەر بىلەن تىلغا ئېلىشىڭدۇر. قېرىندىشىڭ يامان كۆرىدىغان سۆز بولسا: خىرە كۆز، قارىغۇ، ئالىغاي، تاز، ئۇزۇنتۇرا، پاكىنەك دېگەندەك جىسمانىي؛ ياكى زەنگىنىڭ بالىسى، ھىندۇنىڭ بالىسى، ئاتىسى پاسىق، تېگى پەس دېگەندەك نەسەبىي؛ ۋەياكى بەدخۇي، بېخىل، چوڭچى ئادەم دېگەندەك مىزاجىي؛ ھەتتا تونىنىڭ پېشى ئۇزۇن، كىيىمىنىڭ يېڭى كەڭرى، يەكتىكى قاسماق دېگەندەك قىياپەتىي كەمچىلىك بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى غەيۋەتتۇر.

بۇنىڭ دەلىلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن غەيۋەت توغرۇلۇق :سورلاغاندا

، قېرىندىشىڭ ھەققىدە ئۇ يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش غەيۋەتتۇر— : دەپ چۈشەندۈرگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن— دەپ سورالغاندا— قېرىندىشىم ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىم راست بولسىچۇ؟— :جاۋاب بېرىپ

— ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن. يالغان بولسا، ئۇنىڭغا قارا چاپلىغان بولىسەن — دېگەن.

بىلگىنكى، ئەيىبلەش پۇرىقى بار ھەرقانداق سۆز غەيۋەتتۇر. بۇ ئاغزاكى بولسۇن ياكى كۆز ئىماسى، قول ئىشارىتى ۋە قەلەم كىنايەسى كەبى شەكىللەر بىلەن بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشتۇر. چۈنكى، قەلەممۇ ئىككى تىلنىڭ بىرى .ھېسابلىنىدۇ غەيۋەتنىڭ ئەڭ قەبىھ تۈرى بولسا: رىياخور زاھىدنىڭ قىلغان غەيۋىتىدۇر :مەسىلەن، ئۇلارنىڭ قېشىدا بىر كىشى تىلغا ئېلىنسا، بۇ رىياخور زاھىدلار «بىزنى سۇلتانلارغا ئۈلپەتچىلىك بىلەن سىنىمىغان ۋە دۇنيانىڭ پۈچەك نەرسىلىرىنى تەلەپ قىلىشتا ھاياسىزلىققا دۇچار قىلمىغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دەيدۇ ياكى: «ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ ھاياسىزلىقتىن. پاناھ تىلەيمىز» ۋەياكى: «ئاللاھ تائالادىن سالامەتلىك سورايمىز» دەيدۇ مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۇلار تىلغا ئېلىنغان كىشىنى ئەيىبلەش ۋە ئۆزلىرىنى ماختاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بەزىدە بىر رىياخور زاھىدنىڭ قېشىدا مەلۇم بىر كىشى تىلغا ئېلىنسا: «ئۇ بىچارە بەك چوڭ ئاپەت بىلەن سىنالدى، ئاللاھ بىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلسۇن» دەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ دۇئا قىلغانلىقىنى .ئاشكارا قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى يوشۇرىدۇ.

بىلگىنكى، غەيۋەتكە قۇلاق سالغۇچى شۇ گۇناھقا شېرىكتۇر. غەيۋەتكە قۇلاق سېلىش گۇناھىدىن پەقەت غەيۋەت قىلغانلارنى تىلى بىلەن ئىنكار قىلىش بىلەنلا

قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىگە زىيان يېتىشتىن قورقسا قەلبى بىلەن نەپرەتلىنىدۇ. ئەگەر كىشى غەيۋەت قىلىنغان سورۇندىن ئايرىلىش ياكى باشقا. گەپلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى ئۈزۈۋېتىشكە قادىر بولسا شۇنداق قىلسۇن

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمنىڭ قېشىدا بىر مۇئمىن خارلانسا ۋە ئۇ كىشى شۇ مۇئمىنگە ياردەم بېرىشكە قادىر تۇرۇپ ياردەم بەرمىسە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇ كىشىنى كىشىلەرنىڭ . رەسۇلۇللاھ يەنە: ‹كىمكى بىر مۇئمىننى ئۇنى›ئارىسىدا خار قىلىدۇ ئەيىبلىگۈچى مۇناپىقتىن قوغداپ قالسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ تېنىنى .دوزاخ ئوتىدىن قوغداپ قالىدىغان بىر پەرىشتە ئەۋەتىدۇ» دېگەن

ئەمر ئىبنى ئۇتبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى ئازاد قىلغان بىر قۇلىنىڭ بىرەيلەن :بىلەن بىرگە باشقا بىر كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭغا «ۋاي ساڭا! ئۆز نەپسىڭنى مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىشتىن يىراق تۇتقىنىڭدەك قۇلىقىڭنىمۇ بۇ سەت گەپلەرنى ئاڭلاشتىن يىراق تۇت. ھەقىقەتەن، غەيۋەتكە قۇلاق سالغۇچىمۇ، غەيۋەتخورنىڭ گۇناھىغا شېرىكتۇر. خەق ئۆز قاچىسىدىكى نەرسىلەرگە قاراپ ئەڭ ناچىرىنى سېنىڭ قاچاڭغا تۆكتى. ئەگەر بىر ئەخمەقنىڭ — ۋالاقلاشلىرى قايتۇرۇپ ئېغىزىغا تىقىۋېتىلگەن بولسا ئىدى، شۇ ۋالاقتەككۈر بەدبەخت بولغاندا، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاغزىغا پۇرلاپ تىققۇچى— ئاخىرەتتە .»بەختىيار بولغان بولاتتى

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەقلىرى توغرىسىدا كۆپ ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنغاندۇر. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللىبۇرۇن «سۆھبەت» بابىدا. كەلتۈرۈلدى

غەيۋەت قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان سەۋەبلەر ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ بايانى غەيۋەتكە ئېلىپ بارغۇچى سەۋەبلەر كۆپتۇر.

سەۋەب: ئاچچىقىنى بېسىقتۇرۇش ئارزۇسى؛ مەسىلەن، بىر كىشى مەلۇم، سەۋەبلەر بىلەن يەنە بىر كىشىدىن رەنجىگەن ۋاقىتدا قورسىقى كۆپكەنسېرى .قارشى تەرپكە بولغان ئاچچىقىنى غەيۋەت قىلىش ئارقىلىق بېسىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ

يارەنلىرىگە ماسلىشىش، ھەمراھلىرىغا ياخشىچاق بولۇش ۋە- سەۋەب: دوست يارەنلىرى- ياردەملىشىشمۇ غەيۋەت قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ چۈنكى، دوست باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلسا، ئۇلارغا رەددىيە بەرسە ياكى ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئۈزۈۋەتسە، دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى يامان كۆرۈپ قېلىشى، ھەتتا نەپرەتلىنىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ غەيۋەتلىرىگە ماسلىشىدۇ ۋە بۇنى ياخشى دوستلۇق دەپ قاراپ. قالىدۇ

سەۋەب: باشقىلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ئابرۇيىنى كۆتۈرۈش ئىستىكى؛ مەسىلەن، كىشى «پالانى جاھىل ۋە چۈشەنچىسى يۈزەكى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغاندا، ئەسلى مەقسىتى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە قارشى تەرەپتىن بەكرەك. ئالىم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشتۇر

باشقىلارنىڭ بىر كىشىنى ماختىشى، ياخشى كۆرۈشى ۋە ئىززەتلىشىنى كۆرەلمەسلىكىمۇ ئۇشبۇ سەۋەبلەر قاتارىدىندۇر. ھەسەتخور باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق. ئېزگۈ مۇئامىلىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن ماختلاغۇچىنى ئەيىبلەپ غەيۋىتىنى قىلىدۇ

  • سەۋەب: ئويۇن ۋە تاماشا. غەيۋەتخور بىرۋانىڭ خەقنى كۈلدۈرىدىغان ھال ئەھۋالل ھېكايە قىلىپ ئاڭلىتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر مۇشۇ يول بىلەن پۇل. تاپىدۇ

غەيۋەتخورلۇقنىڭ شىپاسى

غەيۋەتخور بىلسۇنكى، قىلغان غەيۋىتى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ۋە يامان كۆرۈشىگە دۇچار قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى غەيۋىتى قىلىنغۇچىغا يېزىلىدۇ. ئەگەر ياخشلىقى بولمىسا، غەيۋىتى قىلىنغۇچىنىڭ يامانلىقلىرىنىڭ گۇناھى غەيۋەتخورنىڭ گەدىنىگە يېزىلىدۇ. مانا بۇلارنى .چۈشەنگەن كىشى تىلىنى غەيۋەتتىن يىغىدۇ

،غەيۋەتخورلۇق ئىللىتىگە مۇپتىلا بولغۇچى ئەۋۋەلا ئۆز ئەيىبلىرىنى ئويلىشى شۇ ئەيىبلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىشى ۋە ئۆزى ئەيىبلىك تۇرۇپ باشقىلارنى .ئەيىبلەشتىن ھايا قىلىشى كېرەك

بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن:

،ئەيىبلىسەڭ ئۆزگىلەرنى ئۆزۈڭدە بار ئەيىب بىلەن، ئۆزگىلەرنى قانداق قاتتىق ئەيىبلەر بىركۆزلۈك كىشى

،ئەيىبلىسەڭ كىشىلەرنى ئۇلاردا يوق ئەيىب بىلەن . بۇ ئاللاھ ۋە خالايىقنىڭ نەزەرىدە گۇناھنىڭ چوڭى

نۇقساندىن خالىي دەپ ئويلىسا، ئاللاھ- ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ئەيىب تائالانىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولسۇن. ۋە نەپسىنى غەيۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ قەبىھ ئەيىب بىلەن بۇلغىمىسۇن ئۆزگىلەرنىڭ ئۆز غەيۋىتىنى قىلىشىغا رازى بولمىغىنىدەك، ئۆزىمۇ ئۆزگىلەرنىڭ. غەيۋىتىنى قىلىشقا رازى بولمىسۇن

كىشى ئەۋۋەل غەيۋەت قىلىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەبكە قارىسۇن، ئاندىن شۇ سەۋەبلەرنى يوقىتىشقا تىرىشسۇن. چۈنكى، بىر كېسەللىكنى داۋالاش شۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلغان سەۋەبنى يوقىتىش ئارقىلىق بولىدۇ. بىز غەيۋەتخورلۇق ئىللىتىنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى بايان قىلدۇق. مەسىلەن، غەزەپلىنىشنى ئالدىمىزدا «غەزەپ» بابىدا كېلىدىغان بايانلارغا ئەمەل قىلىش بىلەن داۋالىسا بولىدۇ. سەۋەب دوستلىرىغا ماسلىشىش بولسا بۇنىڭ داۋاسى، ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرۈپ تۇرۇپ، مەخلۇقاتنىڭ رىزاسىنى ئىستىگۈچىگە ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلىش ۋە مەخلۇقاتنى رازى قىلىشنىڭ ئورنىغا ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى— رىزاسىنى تاللاشتۇر. ئۇنداقتا كىشى دوستىلىرىغا كايشى كېرەك. باشقا غەيۋەت قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان— قىلغان. ئىشلارنىمۇ بۇ تەرىقىدە داۋالىسا بولىدۇ

بەزىدە غەيۋەت قەلب بىلەنمۇ قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ مۇسۇلمانلارغا قارىتا. بەدگۇمان قىلىشتۇر

گۇمان نەپس تايانغان ۋە قەلب مايىل بولغان نەرسىدۇر. سېنىڭ بىرەر مۇسۇلمان ھەققىدە، ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەر جەھەتتىن توغرا چۈشىنىشكە ئىمكان ۋە ئېھتىمال قالمىغۇدەك دەرىجىدە ئايدىڭلاشمىغۇچە، بەدگۇمان قىلىش ھەققىڭ يوق. لېكىن، ئادىل ۋە ئىنساپلىق بىر كىشى ساڭا ئۇنىڭ ناچارلىقىدىن خەۋەر بەرسە ۋە سېنىڭ قەلبىڭمۇ تەستىقلاشقا مايىل بولسا، سەن ئۆزرىلىك ھېسابلىنىسەن. چۈنكى، ئەگەر مۇشۇنداق بىر كىشىنى يالغانغا چىقارساڭ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ھەققىدە بەدگۇمان قىلغان بولىسەن. بىرىدىن ياخشى گۇمان قىلىپ، يەنە بىرىدىن يامان گۇمان قىلىش بىھاجەت. ئەكسىچە، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا دۈشمەنلىك ۋەيا ھەسەت بار ياكى يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىڭ. كېرەك. ئەگەر بار بولسا، شۇ سەۋەبلىك بىر تۆھمەت بولۇشى مۇمكىن

بىر مۇسۇلمان ھەققىدە كۆڭلۈڭگە يامان خىيال كىرسە، ئۇنىڭغا كۆپرەك

كۆيۈنگىن ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلغىن. چۈنكى، بۇنداق قىلىش شەيتاننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەندىن قاچۇرىدۇ. شەيتان سېنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىڭغا كۆيۈنۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىڭدىن قورقۇپ، ساڭا يامان خىياللار تاشلىيالمايدۇ. بىر مۇسۇلماننىڭ. راستلا خاتالاشقانلىقى جەزملەشسە، ئۇنىڭغا يوشۇرۇن نەسىھەت قىلغىن، بىلگىنكى، ئەيىب ئىزدەش گۇمانخورلۇقنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر. چۈنكى قەلب گۇمانغا قانائەت قىلمايدۇ، بەلكى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنىڭچۈن ئەيىب ئىزدەش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇ چەكلەنگەندۇر. ھالبۇكى، قۇسۇر ئىزدەش نىھايەتتە مۇسۇلماننىڭ سىرىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. كىشى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى بىلمىسىلا، قەلبى شۇ مۇسۇلمانغا نىسبەتەن غۇبارسىز. تۇيغۇلاردا بولىدۇ

غەيۋەت قىلىشقا ئىزىن بېرىلگەن ئۆزرىلەر ۋە غەيۋەت قىلىشنىڭ كەففارىتى

بىلگىنكى، باشقىلارنىڭ يامانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئىزىن بەرگۈچى نەرسە شەرئىي جەھەتتىن توغرا بولغان نىشاندۇر. بۇ نىشان مەقسەتكە پەقەت قارشى تەرەپنىڭ يامانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئېرىشىش مۇمكىن. مانا مۇشۇنداق بىر مەقسەت غەيۋەت گۇناھىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللار غەيۋەتكە :رۇخسەت باردۇر

. ئۆزى ئۇچرىغان زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكنى بايان قىلىشتا؛ چۈنكى، زالىم1 زوراۋانلىق قىلسا، مەزلۇم زالىمدىن ھەققىنى تولۇق ئېلىپ بېرىدىغان كىشىگە .زالىمنىڭ زۇلمىنى بايان قىلسا بولىدۇ

. مۇنكەرنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىش ۋە زالىمنى ياخشىلىق يولىغا قايتۇرۇشتا؛2

. پەتۋا سوراشتا؛ مەسىلەن، پەتۋا بەرگۈچىگە: «پالانى كىشى ماڭا زۇلۇم3 قىلدى ياكى ھەققىمنى ئېلىۋالدى، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سوراش ۋە ئىسمىنى ئاتاش مۇباھتۇر. لېكىن ئىما قىلىش ئەۋزەل. مەسىلەن، «دادىسى (ياكى قېرىندىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كىشىلەر) زۇلۇم قىلغان كىشى ھەققىدە سىز. نېمە دەيسىز؟» دېگەندەك سوئاللار قويۇش

ئىسمىنى ئاشكارا ئاتاشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: ئۇتبە قىزى ھىند رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئېرى ئەبۇ سۇفيان ھەققىدە: «ھەقىقەتەن ئەبۇ سۇفيان

ۋاقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭبېخىل ئادەم…» دېگەن. بۇ سۆزىنى ئەيىبلىمىگەنلىكىدۇر

. مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتا؛ مەسىلەن، بىر بىدئەتچى ياكى پاسىقنىڭ4 كېلىدىغان بىر فەقىھنى كۆرگىنىڭدە، بىدئەت ياكى- پات بېرىپ- يېنىغا پات پاسىقلىقنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن قورقساڭ، فەقىھكە قارشى تەرەپنىڭ چىن. ئەھۋالىنى بايان قىلساڭ بولىدۇ

شۇنىڭدەك بىر قۇلنىڭ ئوغرى ياكى پاسىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى .سېتىۋالغۇچىغا ئۇنى دەپ قويسا بولىدۇ

شۇنداقلا نىكاھ ۋە ئامانەت قويۇش ئىشلىرىدا مەسلىھەت سېىلنغۇچى مەسلىھەت سالغۇچىغا سەمىمىي بولۇش مەقسىتىدە نىكاھلانماقچى بولغان كىشى ياكى ئامانەت. قويۇلماقچى بولغان تەرەپ ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئىشلارنى ئېيتسا بولىدۇ بۇنى بوھتان قىلىش مەقسىتىدە قىلماسلىقى كېرەك. مەسلىھەت سالغۇچى پەقەت ئاشكارا دېيىش بىلەنلا مەقسىتىدىن يانىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ- ئوچۇق . ئاشكارا چۈشەندۈرسە بولىدۇ- ئەھۋالىنى ئوچۇق

. «توكۇر، قارىغۇ» دېگەندەك لەقەملەر بىلەن تونۇلغان بىر كىشىنى شۇ5 لەقىمى بىلەن تىلغا ئالسا گۇناھ بولمايدۇ؛ ئەلبەتتە باشقا ئىسىم بىلەن تىلغا. ئېلىش ئىمكان تاپسا، شۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىش ئەۋزەل

ئاشكارا پاسىقلىق قىلىدىغان، خەقنىڭ مېلىنى تارتىۋالىدىغان ۋە- . ئوچۇق6 بۇنىڭدىن ھېچ ھېيىقمايدىغان كىشىلەرنىڭ شۇ ھاللىرىنى بايان قىلىش گۇناھ ئەمەس. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى .ھايا تونىنى تاشلىۋەتسە، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش گۇناھ ئەمەس» دېگەن

ھەسەن ئەلبەسرىيگە:

ئاشكارا قىلىدىغان گۇناھكار كىشىنى بار- مەئسىيەتنى ئوچۇق- گۇناھ— دېيىلگەنىدى، ھەسەن— سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىشىم غەيۋەت بولامدۇ؟ :ئەلبەسرىي

دېدى — ياق، چۈنكى ئۇنداق كىشىنىڭ ھۆرمىتى يوقتۇر—

غەيۋەت قىلىشنىڭ كەففارىتى

بىلگىنكى، غەيۋەت قىلغۇچى ئىككى خىل جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىدۇ:

بىرىنچىسى: ئاللاھنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، غەيۋەت قىلغۇچى ئاللاھ چەكلىگەن ئىشنى قىلغۇچىدۇر. بۇ جىنايەتنىڭ كەففارىتى: تەۋبە .ئېيتىش ۋە پۇشايمان قىلىشتۇر

ئابرۇيىنى دەپسەندە قىلىش. ئەگەر قىلىنغان- ئىككىنچىسى: بىر بەندىنىڭ يۈز غەيۋەت غەيۋىتى قىلىنغۇچىغا يەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ رازىلىق سوراش، غەيۋىتىنى قىلىپ سالغانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىش. كېرەك

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ھاقارەت ياكى شۇنىڭدەك بىرەر زۇلۇم قىلغان- «كىمدىكى بىراۋغا قارىتا تىل ئەھۋال بولسا، ئۇنى بىرەر تىللا ياكى بىرەر تەڭگە پۇلىمۇ بولمايدىغان كۈنگە قالدۇرماي بۈگۈنلا قارشى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئېلىۋالسۇن، بولمىسا، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلغان زۇلمىغا لايىق ئېلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ياخشى »ئەمەللىرى بولمىسا، مەزلۇمنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ» دېگەن.لىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ

ئەگەر قىلىنغان غەيۋەت قارشى تەرەپكە يەتمىگەن بولسا، رازىلىق سوراشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتسۇن. چۈنكى، خەۋەرسىز كىشىنى خەۋەردار. قىلىش قارشى تەرەپنىڭ ئىچىگە غۇم سېلىشى مۇمكىن

بىر ھەدىستە: «سەن غەيۋىتىنى قىلغان كىشىگە تۆلىنىدىغان كەففارەت ئۇنىڭ. ئۈچۈن ئوقۇغان ئىستىغپارىڭدۇر» دېيىلگەن

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: قېرىندىشىڭنىڭ گۆشىنى يېگەنلىكىڭنىڭ. كەففارىتى ئۇنى مەدھىيەلىشىڭ، ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلىشىڭدۇر. ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگىمۇ ئوخشاش، تىلنىڭ ئاپەتلىرىدىن توققۇزىنچى ئاپەت: سۇخەنچىلىك. بىر ھەدىستە »پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سۇخەنچى جەننەتكە كىرمەيدۇ

بىلگىنكى، سۇخەنچىلىك ئادەتتە بىراۋنىڭ سۆزىنى (باشقا بىراۋغا) توشۇشقا قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: «سېنىڭ ھەققىڭىدە پالانى مۇنداق، مۇنداق دېدى سۆزلەر- دېگەندەك. سۇخەنچىلىك بۇنىڭغىلا خاس ئەمەس. بەلكى، گەپ ھەرىكەتلەر بولسۇن ئاشكارىلاش يامان كۆرۈلىدىغان نەرسىنى- بولسۇن، ئىش ئاشكارىلاشمۇ سۇخەنچىلىكنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھەتتاكى بىر كىشىنى مېلىنى كۆمۈۋاتقان ھالەتتە كۆرسە، مېلىنى كۆمۈپ قويغانلىقىنى شۇ كىشى ئالدىدا تىلغا ئالسىمۇ سۇخەنچىلىك قىلغان بولىدۇ. ھەرقانداق كىشىگە گەپ توشۇلسا، مەسىلەن بىراۋغا «سېنىڭ ھەققىڭدە پالانى مۇنداق، مۇنداق دېدى، ياكى مۇنداق، مۇنداق قىلدى» دېگەندەك سۆزلەر يەتكۈزۈلسە، يەتكۈزۈلگەن كىشى ئالتە ئىشنى قىلىشى .كېرەك

ئا) سۇخەنچىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، سۇخەنچى گۇۋاھلىقى قوبۇل. قىلىنمايدىغان پاسىقتۇر

ئە) سۇخەنچىنى سۇخەنچىلىكتىن توسۇشى ۋە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشى .كېرەك، ب) سۇخەنچىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن يامان كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى .سۇخەنچى ئاللاھ نەزەرىدە يامان كۆرۈلگۈچىدۇر. پ) قېشىدا يوق قېرىندىشىدىن گۇمان قىلماسلىقى كېرەك

ت) توشۇپ كېلىنگەن سۆزلەر قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش ۋە تەكشۈرۈشكە ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك. ئاللاھ تائالا: «بىر-بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار» «49ھۇجۇرات-12» دېگەن.

ج) سۇخەنچىنى چەكلىگەن ئىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەسلىكى ۋە ئۆزى سۇخەنچىلىك. قىلماسلىقى كېرەك

:رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك بىر ئادەمگە

، مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. سەن مېنىڭ ھەققىمدە مۇنداق— : دېدى. ئۇ ئادەم— مۇنداق، دەپسەن

— مەن ئۇنداق قىلمىدىم، — دېدى. سۇلايمان:

— ماڭا بۇنى خەۋەر قىلغۇچى راستچىل كىشى ئىدى، — دېدى. ئۇ ئادەم:

— سۇخەنچى راستچىل بولمايدۇ، — دېدى. سۇلايمان ئۇ ئادەمگە:

.» دېدى— ! سالامەتلىك يار بولسۇن، كەتكىن—

يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىر رەھىمەھۇللاھ: «سېھىرگەر بىر ئايدا بۇزالمايدىغان. نەرسىنى سۇخەنچى بىر سائەت ئىچىدە بۇزۇۋېتىدۇ» دېگەن

ھېكايە قىلىنىدۇكى: بىر كىشى بىر قۇل سېتىۋالماقچى بولۇپتۇ. قۇل ئۆزىنى :سېتىۋالماقچى بولغان خوجايىنغا

جۇدا ئىكەنلىكىمنى- مەن سۇخەنچىلىك ۋە يالغانچىلىق قىلىشتىن ئادا— : دەپتۇ. خوجايىن— ساڭا ئېلان قىلىمەن

. دەپتۇ ۋە ئۇنى سېتىۋاپتۇ— جۇداسەن- ھەئە سەن ئىككىسىدىن ئادا—

بىر كۈنى قۇل خوجايىنىغا:

ئايالىڭىز زىنا قىلىدۇ، مۇنداق، مۇنداق ئىش قىلىدۇ ۋە سىزنى— : دەپتۇ. ئاندىن خوجايىننىڭ ئايالىغا— ئۆلتۈرمەكچى

ئېرىڭىز سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە توقلا ئالماقچى، ئەگەر ئېرىڭىزنى سىزگە— ئامراق قىلىپ بېرىشىمنى ۋە توقلا ئالماسلىقىنى خاھلىسىڭىز قولىڭىزغا ئۇستىرا ئېلىڭ ۋە ئېرىڭىز ئۇخلاپ قالغاندا گېلىدىن بىر تال تۈك چۈشۈرۈپ ئېلىپ : دەپتۇ ۋە يەنە ئەر خوجايىنغا— كېلىڭ

ئايالىڭىز سىز ئۇخلاپ قالغاندا سىزنى ئۆلتۈرمەكچى، دەپتۇ. شۇنىڭ— بىلەن ئېرى ئايالىنى ساقلاپ ئۇخلىغان بولۇۋاپتۇ. ئايالى ئۇنىڭ گېلىدىن بىر تال تۈك ئېلىش ئۈچۈن ئۇستىرانى ئېلىپ كەلگەندە، ئېرى ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ ئايالىنى بوغۇزلىۋېتىپتۇ. ئاندىن ئايالنىڭ جەمەتى ئۇ ئادەمنى تۇتۇپ. ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ

  • ئونىنچى ئاپەت: ئۆزئارا دۈشمەنلەشكۈچى ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا بېرىپ كېلىپ تۇرغۇچى ئىككى يۈزلىمە ئادەمنىڭ گېپى. ئىككى يۈزلىمىچى كىشى بىر تەرەپنىڭ گېپىنى يەنە بىر تەرەپكە توشۇيدۇ. ھەربىرىگە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان سۆزلەرنى سۆزلەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا ۋەدە بېرىدۇ، ياكى بىر تەرەپنىڭ. يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ ماختاپ، نېرىقى كىشىنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇنى سۆكىدۇ بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشىلەرنىڭ ئەڭ يامىنى »بىر يۈز بىلەن ئۇلارغا، بىر يۈز بىلەن بۇلارغا كېلىدىغان ئىككى يۈزلىمىدۇر. دېگەن

بىلگىنكى، بۇ زۆرۈرىيەت بولمىسىمۇ ئىككى ئوتتۇرىدا گەپ توشۇغان كىشى ھەققىدىدۇر. لېكىن، زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا ئەمىرلەرگە ئالدىدا مادارا (قوشۇلغاندەك كۆرۈنۈش) قىلىش جائىزدۇر. ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ھەقىقەتەن بىز بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم قىلىمىز، ھالبۇكى ئۇلارغا قەلبلىرىمىز لەنەت ئوقۇيدۇ» دېگەن. قاچانكى ئۇلار بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئەمەسلىكىنى .ئېيتالىغۇدەك كۈچكە ئېرىشكەندە، يەنە شۇنداق قىلىش نادۇرۇستۇر

ئون بىرىنچى ئاپەت: ماختاش. ماختاشنىڭ ئاپەتلىرى كۆپ بولۇپ، ماختىغۇچىغا. ۋە ماختلاغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئاپەتلەر بار

ماختىغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئاپەتلەرگە كەلسەك، ماختىغۇچى بەزىدە ماختلاغۇچى .ھەققىدە تەكشۈرەلمەيدىغان ۋە بىلىش ئىمكانى يوق گەپلەرنى قىلىپ سالىدۇ .مەسىلەن، ماختىغۇچى ماختلاغۇچى ھەققىدە «ئۇ كىشى تەقۋا ۋە زاھىد» دەيدۇ بەزىدە ماختاشنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ، يالغانچىلىق قىلىپ سالىدۇ، بەزىدە .ئەيىبلىنىشكە لايىق كىشىنى ماختايدۇ

بىر ھەدىستە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ پاسىق ماختالسا غەزەپ قىلىدۇ» دەپ. رىۋايەت قىلىنغان

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: «كىمكى زالىمنىڭ باقىمەندىلىكىگە دۇئا. قىلسا، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىنىشىنى ياخشى كۆرگەن بولىدۇ» دېگەن

ماختلاغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئاپەتلەرگە كەلسەك، ماختىغۇچىنىڭ ماختىشى ماختلاغۇچىدا تەكەببۇرلۇق ياكى ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ .ئىككىسى ھالاك قىلغۇچى سۈپەتلەردۇر

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنى ماختاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا: «ۋاي ساڭا! ھەمراھىڭنىڭ بوينىنى ئۈزۈۋەتتىڭ» دېگەن. بۇ مەشھۇر ھەدىستۇر

بىز ھەسەن ئەلبەسرىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدۇق: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قولىدا قامچا، ئەتراپىدا خالايىق بىلەن ئولتۇراتتى. شۇ ئەسنادا جارۇد كەلدى. ئاندىن بىر كىشى: «ئى جارۇد! رەسۇلۇللاھ دەۋرىدىن كېيىن ئۆزگەرمىگەن كىشى سەنلا قالدىڭ» دېدى. بۇ سۆزنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاڭلاپر ۋە— بۇ ئادەم رەبىيئە جەمەتىنىڭ رەھبىرىدۇر— ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئاڭلىدى، جارۇدمۇ ئاڭلىدى. جارۇد ئۆمەرنىڭ قېشىغا يېقىن :كەلگەندە، ئۆمەر ئۇنى قامچا بىلەن ئۇردى. جارۇد

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بىر ئىش بولدىمۇ؟— :دېگەنىدى، ئۆمەر

— ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا نېمە بولماقچىدى! بايىقى گەپنى ئاڭلىدىڭمۇ؟— .دېدى

ئاڭلىدىم. نېمە بولدى؟—

. ئۇ گەپنىڭ زەررىسى سېنىڭ قەلبىڭگە ئارىلىشىپ قېلىشىدىن قورقتىم— .»شۇڭا، سېنى خارلاپ قويۇشنى خاھلىدىم

چۈنكى، ئىنسان باشقىلار تەرەپتىن ماختالسا كۆڭلى مەمنۇن بولىدۇ. ئۆزىنى .مەقسەتكە يەتكەن ئوخشايمەن، دەپ ئويلايدۇ ۋە ئەمەل قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەمراھىڭنىڭ بوينىنى ئۈزۈۋەتتىڭ» دېگەن

ماختاشتا بۇ ئاپەتلەر يوق بولسا، بىراۋنى ماختىسا گۇناھ بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە باشقا ساھابە رەزىيەللاھۇ .ئەنھۇملارنى ماختىغان

ماختلاغۇچىمۇ تەكەببۇرلۇق، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ۋە ئەمەل قىلىشتىن ئاجىز كېلىش قاتارلىق ئاپەتلەردىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. ماختلاغۇچى بۇ ئاپەتلەردىن پەقەت ئۆزىنى تونۇغاندىلا ۋە ماختىغۇچىنىڭ ئەگەر شەخس ئۆزى بىلگەن كەمچىلىكلىرىنى بىلگەن بولسا، ئۇنى ماختىمايدىغانلىقىنى ئىدراك ئېتىش. ئارقىلىقلا قۇتۇلالايدۇ

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سالىھلەردىن بىر كىشىنى باشقىلار ماختىغانىدى، سالىھ »كىشى: «ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن بۇلار مېنى بىلمەيدۇ، سەن مېنى بىلىسەن. دېدى

ئون ئىككىنچى ئاپەت: دىنىي تېمىلاردا، بولۇپمۇ ئاللاھ تىلغا ئېلىنغان گەپلەردە سۆزنىڭ مەزمۇن ۋە مەناسىدا يېڭىلىشىش / ئاشۇرۇۋېتىش. لەۋزىلەرنى توغرىلاشقا پەقەت ناتىق، ئالىملارنىڭال كۈچى يېتىدۇ. ئىلىم ۋە پاساھەت ئۆگىنىشكە

سەل قارىغان كىشىنىڭ سۆزلىرى خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. لېكىن، ئاللاھ. تائالا ئۇ كىشى جاھىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ

بۇنىڭغا مىسالەن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، مۇنداق دېگەن: «ھېچبىرىڭلار ‹ئاللاھ خاھلىدى، سەنمۇ خاھلىدىڭ› دېمىسۇن.»لېكىن ‹ئاللاھ خاھلىدى، ئاندىن كېيىن سەنمۇ خاھلىدىڭ› دېسۇن

چۈنكى، «ئاللاھ خاھلىغان ۋە سېنىڭ خاھلىغىنىڭ بولىدۇ» دەپ ئاللاھنىڭ خاھلىشى بىلەن ئىنساننىڭ خاھلىشىنى كەسكىن باغلاپ كەلتۈرۈشتە ئىنساننى .ئاللاھقا شېرىك ۋە باراۋەر قىلىش كېلىپ چىقىدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر خەتىب: «كىمكى ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلسا ئازغۇندۇر» دېگەندە بۇ سۆزنى توغرا تاپماي: «‹كىمكى ئاللاھقا دېگەن سۆزىمۇ»ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا ئازغۇندۇر› دېگىن. شۇنىڭغا يېقىندۇر

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ھېچبىرىڭلار ‹مېنىم قۇلۇم›، ‹مېنىڭ چۆرەم› دېمىسۇن، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ قۇللىرىسىلەر، بارلىق ئاياللىرىڭلار ئاللاھنىڭ ئايال قۇللىرىدۇر. لېكىن، ‹مېنىڭ.»ئوغۇل خىزمەتچىم›، ‹قىز خىزمەتچىم› دېسۇن

نەخەئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى يەنە بىر كىشىنى ‹ھەي ئېشەك! ھەي چوشقا!› دېسە، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا: ‹سەن مېنى ئېشەك قىلىپ ›!يارىتىلغان، دەپ ئويلىدىڭمۇ؟ چوشقا قىلىپ يارىتىلغان دەپ قالدىڭمۇ؟ دېيىلىدۇ». بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلەشتىكى خاتالىقلارنىڭ سانىنى ئېلىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. كىمكى تىلنىڭ ئاپەتلىرىدىن بىز كەلتۈرگەن بايانلارنى ئويلانسا ۋە ئۆزىنىڭ تىلىنى قويۇۋەتسە ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ چاغدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى سۈكۈت قىلسا، نىجات تاپىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ سىرىغا يېتىدۇ. چۈنكى، بۇ ئاپەتلەر خېيىم-خەتەرلەردۇر ۋە سۆزلىگۈچىنىڭ يولى ئۈستىدىدۇر. شۇڭا، سۈكۈت قىلغان كىشىلا ساق-سالامەت قالىدۇ.

ئون ئۈچىنچى ئاپەت: ئاۋام تەبىقىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ. سۈپەتلىرى ۋە كالامى ھەققىدە سوئال سورىشى ۋە سۆزلەشلىرى

بىلگىنكى، شەيتان ئاۋام خەلق تەبىقىسىدىكى كىشىگە: «سەن پەقەتلا ئىلىمىي تېمىلارغا كىرىشىش بىلەن ئالىملاردىن ۋە پەزىلەت ئەھلىدىن بولىسەن» دەپ، خىيال تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىيالنى داۋاملىق ئۇنىڭغا چىرايلىق كۆرسىتىدۇ .ھەتتا ئۇ كىشى بىلمەستىن كۇفۇرغا ئېلىپ بارىدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ

  • پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر بىر بىرىگە شۇنداق سوئاللار قويىشىدۇكى، ئاخىرى بېرىپ مۇنداقمۇ دەۋېتىشى .»›مۇمكىن: ‹مەخلۇقاتنىغۇ ئاللاھ يارىتىپتۇ، ئۇنداقتا ئاللاھنى كىم ياراتتى؟

ئاۋام خەلقنىڭ ئىلىمنىڭ سىرلىق / يېپىق تەرەپلىرىدىن سوئال قويۇشى ئەڭ چوڭ ئاپەتتۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ مەنىلىرى توغرۇلۇق ئىزدىنىشى ئۇلارنى ئىسلاھ قىلمايدۇ، بەلكى بۇزۇپ قويىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تەسلىم بولۇشتۇر. شۇڭا، ئاۋام كىشى ئۈچۈن ئەۋزەل بولغىنى قۇرئان ئېلىپ كەلگەن شەيئىلەرگە ئىمان ئېيتىشى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەنلەرگە ئىزدىنىپ يۈرمەي تەسلىم بولۇش ۋە ئىبادەتلەرگە بېرىلىشتۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىلىم سىرلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى خۇددى يايلاقتىكى ھايۋانلارنىڭ مۈلۈكنىڭ سىرلىرىنى تەتقىق قىلغىنىغا. ئوخشاشتۇر

ئىزاھاتلار:

  • . سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى6474( بۇخارىي
  • ). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئىراقىي «زەئىف8( ،»)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان13071( ئەھمەد .): ‹ھەسەن› دېگەن2554 ،»دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»
  • ). ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھيائ») «ھەسەن21( ،»ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەسسامت. دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى»
  • . بەيھەقىي ۋە ئىراقىيلار: «سەھىھ» دېگەن4671( ،»بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان
  • 2988( )؛ مۇسلىم6477( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي
  • :)؛ بۇخارىي10332( ،»)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر1977( )؛ تىرمىزىي3839( ئەھمەد )5381 ،»). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ312( ،»«ئەلئەدەبۇل مۇفرەد
  • 1094( ،»)؛ «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە884 ،857( ،»رىۋايەت سەھىھتۇر. «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد
  • . سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە16028( ئەھمەد .) «زەئىف» دېگەن5380 ،»ئالبانىيلار: («زەئىفۇلجامىئ
  • . ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا1714( )؛ مۇسلىم7180 ،5384( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي. رىۋايىتى
  • 2449( بۇخارىي
  • 2526( )؛ مۇسلىم7179( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي
  • ‹زەئىف› دېگەن694 ،»). ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ4543( ،»بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى
  • . ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ2249( )؛ مۇسلىم2552( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي. رىۋايىتى

ئون سەككىزىنچى بۆلۈم: ئاچچىقلىنىش، ئاداۋەت تۇتۇش ۋە ھەسەت قىلىشنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى

بۆلۈم: “ئون سەككىزىنچى بۆلۈم: ئاچچىقلىنىش، ئاداۋەت تۇتۇش ۋە ھەسەت قىلىشنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى”

توغرىسىدا

شۇنى ياخشى بىلگىنكى، ئاچچىقلىنىش / غەزەپ ئوت يالقۇنلىرىدىن بىر يالقۇندۇر. غەزەپ ئەسناسىدا ئىنساندىن چىقىپ لەنىتى شەيتانغا ئۇلىشىدىغان بىر «مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن :تومۇر باردۇر. ئاللاھ تائالا شەيتاننىڭ ئاغزىدىن دېدى. چۈنكى، لاينىڭ تەبىئىتى سۈكۈنات بولسا، ئوتنىڭ» «7ئەئراف-76» ياراتتىڭ. تەبىئىتى ئۇچقۇنداش، كۆيۈش، ھەرىكەت قىلىش ۋە تەرتىپسىزلىكتۇر. ئاداۋەت ۋە ھەسەت ئاچچىقلىنىش / غەزەپنىڭ نەتىجىلىرىدىندۇر

ئاچچىقلىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ماڭا نەسىھەت قىلسىلا!» دېگەن كىشىگە: «ئاچچىقلانمىغىن» دېگەن سۆزى قايتا «ماڭا- دەلىلدۇر. ئۇ كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قايتا. نەسىھەت قىلسىلا» دېگەندە، ئۇنىڭغا: «ئاچچىقلانمىغىن!» دەۋەرگەن

باشقا بىر ھەدىستە، ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «مېنى ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن نېمە يىراق قىلىدۇ؟» دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاچچىقلانمىغىن!» دەپ . جاۋاب بەردى

بىرلىككە كېلىنگەن بىر ھەدىستە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چېلىشتا يەڭگەن نوچى ئەمەس، ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋالغان ھەقىقىي نوچىدۇر» دېگەن.

ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: ‹ساڭا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (يەنى ئىيسا) نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ› دەپ نىدا قىلدى» «3ئال ئىمران-39» دېگەن ئايىتىدىكى «سەييىد» كەلىمىسىنى: «ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان، ئاچچىقىغا يېڭىلمەيدىغان كىشى» دەپ تەفسىر قىلغان.

:رىۋايەت قىلىنۇركى، «زۇلقەرنەيىن بىر پەرىشتىگە يولۇقتى ۋە ئۇنىڭغا

— ! ماڭا شۇنداق بىر ئىلىم ئۆگەتكىنكى، ئىمانىم ۋە جەزمىيتىم ئارتقاي— :دېگەنىدى، پەرىشتە

ئاچچىقلانما! چۈنكى، شەيتاننىڭ ئادەم بالىسىغا كۈچى ئەڭ ئاسان— !يېتىدىغان ۋاقتى ئاچچىقلانغان ۋاقتىدۇر. شۇڭا ئاچچىقنى يۇتۇش بىلەن قايتۇر سالماقلىق بىلەن بېسىقتۇر! ئالدىراقسانلىقتىن ساقلان! چۈنكى، سەن ئاچچىقلانغاندا يېقىن ھەممە كىشىگە يۇمشاق، مېھرىبان- نېسىۋەڭگە ئېرىشەلمەيسەن. يىراق.» دېدى— !بولغىن! زومىگەر، تەرسا بولما

مۇسا— ئاللاھ ئۇنىڭغا لەنەت قىلسۇن— يەنە رىۋايەت قىلىنۇركى: ئىبلىس، ئەلەيھىسسالامغا كۆرۈنگەن ۋە: «ئى مۇسا! كەسكىنلىكتىن ساقلانغىن! چۈنكى )مەن كەسكىن ئادەمنى كىچىك بالا توپ ئوينىغاندەك ئوينايمەن. ئاياللار (پىتنىسى دىن ساقلانغىن! چۈنكى، مېنىڭ قارىشىمدا ئەڭ پۇختا قۇرۇلغان تۇزاق ئايال كىشى بىلەن قۇرۇلغان تۇزاقتۇر. بېخللىقتىن ساقلانغىن! چۈنكى، مەن بېخىلنىڭ. دۇنيا ۋە ئاخىرىتىنى بۇزىمەن» دېگەنىكەن

ۋە يەنە: «ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، ئاچچىقلىنىش ئىماننى خۇددى ئاچچىق دورا ھەسەلنى بۇزغاندەك بۇزىدۇ. ئاچچىقلىنىش ئەقىلنىڭ دۈشمىنىدۇر» دېيىلگەن

ئاچچىقلىنىشنىڭ ھەقىقىتى

غەزەپ ئىنتىقام خىرىسى بىلەن قەلبتىكى قاننىڭ قاينىشىدۇر. يەنى ئىنسان ئاچچىقلانغاندا غەزەپ ئوتى قوزغىلىپ، قەلبتىكى قان قاينايدۇ ۋە تومۇرلارغا تارقىلىپ، قازان قاينىغاندا سۇ كۆتۈرۈلگەندەك بەدەننىڭ يۇقىرى تەرىپىگە كۆتۈرۈلىدۇ. شۇ ۋەجدىن يۈز، كۆز ۋە تېرە قىزىرىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى خۇددى بىر ئەينەك شېشە ئىچىدىكى نەرسىنىڭ رەڭگىنى كۆرسەتكەندەك، غەزەپمۇ .كەينىدىكى قان قىزىللىقىدىن ئىبارەت رېڭىنى كۆرسىتىدۇ

ئىنسان ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىگە ئاچچىقلانغاندا ۋە كۈچى يېتىدىغانلىقىنى .ھېس قىلغاندا قان كېڭىيىدۇ

ئەگەر غەزەپنىڭ سەۋەبى ئۆزىدىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئاچچىقلىنىش بولسا ۋە تومۇرلاردىن– كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، بۇ ھالدا قان تومۇر يۈرەككە قاراپ چېكىنىدۇ. نەتىجىدە غەزەپ قايغۇغا ئايلىنىدۇ ھەمدە تېرە رەڭگى تارىيىپ– سارغىيىدۇ. ئەگەر تەڭتۇش كىشىگە غەزەپلەنگەن بولسا، قان كېڭىيىپ، تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈز قىزىرىدۇ، سارغىيىدۇ ۋە قالايمىقانلىشىدۇ. دېمەك. ئىنتىقام خىرىسى غەزەپ كۈچىنىڭ ئوزۇقىدۇر

كىشىلەر غەزەپلىنىشتە: ئاشقۇن، سۇس ۋە مۆتىدىللىكتىن ئىبارەت ئۈچ. دەرىجىگە بۆلىنىدۇ

ھەددىدىن ئاشقان غەزەپ خوش كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، ھەددىن ئارتۇق غەزەپ ئىنساننى ئەقلىنى باشقۇرۇش ۋە دىنىغا رىئايە قىلىشتىن چىقىرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە بۇ ھالدىكى ئىنسان ھېچقانداق دەڭسەش، ئويلىنىش ۋە توغرىنى تاللاشقا قادىر. بولالمايدۇ

غەزەپلىنىشتە سۇسلۇقمۇ ھەم خوش كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، غەزىپى سۇس كىشىدە ۋىجدان ۋە كۈنلەش يوقايدۇ. غەزىپىنى تامامەن يوقاتقان ئادەم نەپسىنى تەربىيەلەشتىنمۇ ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، نەپس تەربىيەسى غەزەپ شەھۋەتنى بېسىپ چۈشكەندە تاماملىنىدۇ. كىشى، نەپسى بولمىغۇر ۋە پەس ھەۋەسلەرگە .مايىل بولغاندا، نەپسىگە غەزەپلىنىدۇ. دېمەك، غەزەپنى يوقىتىپ قويۇش ئەيىبتۇر شۇڭا، قاتتىق غەزەپ ۋە زىيادە سۇسلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئۇچ ئارىسىدا. ئوتتۇراھاللىقنى تېپىش كېرەك، شۇنى ياخشى بىلگىنكى، غەزەپ ئوتى كۈچلىنىپ يالقۇنجىغاندا. غەزەپلەنگۈچىنى كور ۋە ھەرقانداق نەسىھەتنى ئاڭلاشتىن گاس قىلىپ قويىدۇ .چۈنكى، غەزەپ مېڭىگە كۆتۈرۈلۈپ، تەپەككۇر كانىنىڭ ئۈستىنى يېپىۋالىدۇ ،بەزىدە سەزگۈ كانىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆزى قاراڭغۇلىشىپ ھېچنەرسىنى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. دۇنيا قاپقاراڭغۇ بولىدۇ، مېڭىسى خۇددى ئوت يېقىلغاندىن كېيىن، ئوتتىن چىققان تۈتۈن بىلەن ھاۋاسى قارىداپ، ئىچى

قىزىپ، تۈتۈنگە توشۇپ كەتكەن بىر غارغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. غار ئىچىدە ئاجىز بىر چىراغ بولۇپ، چىراغ ئۆچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇش مۇمكىن بولماي قالىدۇ ۋە ھېچ سۆز قۇلاققا كىرمەيدۇ، ھېچ سىما كۆرۈنمەيدۇ. ئۇ كىشىنىڭ تۈتەۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈشكىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ. غەزەپ قەلب ۋە مېڭىگە مانا مۇشۇنداق قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. بەزىدە غەزەپ تېخىمۇ كۈچىيىپ ئىگىسىنى .ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ

قوللىرى قاتتىق– غەزەپنىڭ سىرتقى ئالامەتلىرى: رەڭگى ئۆزگىرىش، پۇت ئەخلاقنى قايرىپ– ھەرىكەتنىڭ قالايمىقانلىشىشى، ئەدەب– تىترەش، ئىش قويۇش، ساراڭلارچە قىلىق قىلىش قاتارلىقلاردۇر. ئەگەر غەزەپلەنگۈچى ئۆزىنىڭ دەرغەزەپ چاغدىكى قەبىھ ھالىتىنى كۆرسە ئىدى، ئەلبەتتە كۆڭلىدە شۇ ھالىتىدىن بىزار بولغان بولاتتى. ئىچكى دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ سەت بولۇپ كېتىدىغانلىقى .ھەممىگە مەلۇمدۇر

غەزەپنى قوزغىغۇچى سەۋەبلەر ۋە ئۇنىڭ داۋاسى

ھەرقانداق كېسەلنى داۋالاشنىڭ شۇ كېسەللىكنىڭ مەنبەسىنى قۇرۇتۇش ۋە .سەۋەبلىرىنى يوق قىلىش ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن

غەزەپنىڭ سەۋەبلىرىدىن بەزىلەر مۇنداق: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، چاقچاق دۇنياغا– قىلىش، جېدەللىشىش، قارشىلىشىش، ئالدامچىلىق ۋە ئارتۇقچە مال قاتتىق ھېرىس بولۇش قاتارلىقلار. بۇلار شەرىئەتتە ئەيىبلىنىدىغان ناچار خۇلقلاردۇر. شۇڭا، بۇ خۇلقلاردىن ھەربىرىنى ئۇنىڭغا قارشى ئەخلاقلار بىلەن داۋالاش ۋە غەزەپنى قوزغىغۇچى ئامىللارنى بىلىپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى كېسىپ. تاشلاشقا تىرىشىش كېرەك

غەزەپ قوزغلاغاندا، تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى: ئاچچىقىنى يۇتۇش، ئەپۇ قىلىش ۋە سەبر قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى تەپەككۇر قىلىش. مەسىلەن، تۆۋەندىكىدەك ھەدىسلەرنى ئەسلەش كېرەك. ئىمام بۇخارىي ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ: «بىر كىشى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كىرىشكە :رۇخسەت سورىدى، ئۆمەر ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى. ئاندىن ئۇ كىشى ئۆمەرگە ،‹ئى خەتتابنىڭ ئوغلى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن بىزگە كۆپ مال بەرمەيسەن ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلمايسەن› دېدى. ئۆمەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ، ئۇنى قاتتىق ئۇرماقچى بولدى. ئاندىن ھۇر ئىبنى قەيس: ‹ئى

«ئەپۇنى :مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ھەقىقەتەن ئۆز پەيغەمبىرىگە )دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا › دېگەن. ھەقىقەتەن بۇ كىشى نادانلاردىن ئىكەن ‹7ئەئراف-199› )مۇلايىم بولغىن دېدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ھۇر ئىبنى قەيس ئۆمەرگە بۇ ئايەتنى ئوقۇپ بەرگەندە، ئۆمەر ئۇ ئايەتكە خىلاپلىق قىلمىدى. ئۆمەر ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ. كىتابى ئوقۇلغاندا بەك سالماق تۇرىدىغان كىشى ئىدى» دېگەن

ئىككىنچى: نەپسنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتۇش. ئاچچىقلانغان كىشى نەپسىگە: «مېنىڭ بۇ ئىنسانغا كۈچۈم يەتكەندىن بەكرەك ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا كۈچى يېتىدۇ. ئەگەر مەن بۇ كىشىگە غەزىپىمنى يۈرگۈزسەم، ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا قىيامەت كۈنى غەزىپىنى يۈرگۈزۈشىدىن خاتىرجەم بولالمايمەن، شۇڭا، مەن ئەپۇ .قىلىشقا ئەڭ موھتاجمەن» دېيىشى لازىم

!ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەزى كىتابلىرى (ئىنجىل) دا: «ئى ئادەم بالىسى غەزەپلەنگەندە مېنى ئەسىلىگىنكى، مەنمۇ غەزەپلەنگەندە سېنى ئەسلىگەيمەن ۋە .ھالاك قىلىنغۇچىلار ئىچىدە سېنىمۇ ھالاك قىلمىغايمەن» دېگەن

ئۈچىنچى: ئۆز نەپسىنى ئاداۋەتخورلۇق، قىساسكارلىق كۈلپىتىدىن ۋە دۈشمەننىڭ ئۆزىنىڭ شەنىنى تۆكۈشكە ۋە بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر بىلەن سۆيۈنۈشكە تەييار ئىكەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، ئىنسان مۇسىبەتلەردىن خالىي بولالمايدۇ. شۇڭا، نەپس ئاخىرەتتىن قورقمىسا، دۇنيادا بۇ ئىشلارغا دۇچار بولۇشىدىن قورقۇتۇش كېرەك. بۇنىڭ ئەكسى شەھۋەتنىڭ غەزەپنى بېسىپ چۈشۈشى بولۇپ، ساۋاب ئەمەس. چۈنكى بۇ، دۇنيالىق نېسىۋىلەرنى بەزىسىنى بەزىسىدىن ئارتۇق كۆرۈشتۇر. لېكىن، كىشىنىڭ ئېھتىيات قىلغان ئىشى ئاخىرەت ئەمىلىگە ياردەم بېرىدىغان بىر ئىشقا ئۆزگەرسە، بۇ ھالدا ئۇنىڭغا. ساۋاب بولىدۇ

تۆتىنچى: ئىلگىرى سۆزلەنگەندەك، ئۆزىنىڭ غەزەپلەنگەن چاغدىكى قەبىھ سۈرىتىنى يادىغا كەلتۈرۈش كېرەك. غەزەپلەنگۈچى غەزەپلەنگەندە، غالجىر ئىت ياكى ۋەھشىي بىر يىرتقۇچ ھايۋانغا ئوخشاپ قالىدۇ. شۇنداقلا يەنە نەپسىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقلىرى ۋە ئالىملارنىڭ ئادەتلىرىگە ئەگىشىشكە مايىل. قىلىشتىن قاچقان بولىدۇ

بەشىنچى: ئىنتقام ئېلىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەبنى ئويلاپ بېقىش كېرەك مەسىلەن، شەيتان ئۇنىڭغا: «ئىنتىقام ئالماسلىق سېنىڭ ئاجىز، خار، تۆۋەن ۋە نەپسىڭنىڭ پەس ئىكەنلىكىگە دالالەتتۇر، ئىنتىقام ئالمىساڭ كىشىلەرنىڭ، نەزەرىدىن چۈشىسەن» دەپ ۋەسۋەسە سېلىش سەۋەبىدىن غەزەپلەنگەن بولسا نەپسىگە: «ئى نەپسىم! ھازىر بۇلارغا سەبر قىلالمىساڭ، بۇ كىشى قولۇڭدىن تۇتۇپ، سەندىن ئىنتىقام ئالىدىغان قىيامەت كۈنىدىكى خارلىق ۋە رەسۋالىققا، قانداق سەبر قىلىسەن! كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈشتىن ئېھتىيات قىلىسەنۇ ئاللاھ تائالا، پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ نەزەرىدىن قېلىشتىن ئېھتىيات. قىلمامسەن؟!» دەپ شەيتان ۋەسۋەسىسىنى دەفئ قىلىشى كېرەك

ئاچچىقنى يۇتۇشى كېرەك. چۈنكى، ئاچچىقنى يۇتۇش كىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدۇ. خەق ئىچىدە ھۆرمەتلىك بولمىسا نېمە «ئاللاھ تائالا چوقۇم ئەجرىنى بېرىدىغان« :بولماقچىدى؟! قىيامەت كۈنى ئورنىدىن تۇرسۇن» دەپ نىدا قىلىنسا، پەقەت ئەپۇ قىلغان «4نىسائ-100» كىشىلەر . كىشى ئۈچۈن شۇ ئورنىدىن تۇرغانلار قاتارىداكىشىلەرلا ئورنىدىن تۇرىدۇ ئورنىدىن تۇرۇش ئەڭ زۆرۈر ئەمەسمۇ؟! بۇنىڭغا ئوخشاش مەنىلەرنىڭ كىشى .قەلبىدە بەرقارار بولمىقى بەك مۇھىمدۇر

ئالتىنچى: غەزەپلىنىشنى ئۆز مەقسىتىگە مۇۋاپىق ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ مەقسىتىگە مۇۋاپىق ھالەتتە يۈز بەرگەن بىر ئىش دەپ بىلسۇن. بۇنى بىلگەن !كىشى قانداقمۇ ئۆز مەقسىتىنى ئاللاھ تائالانىڭ مەقسىتىنىڭ ئالدىغا قويسۇن؟ .بۇلارنىڭ ھەممىسى قەلبىي غەزەپلىنىشنى داۋالاش سەۋەبلىرىدۇر

ئەمەل قىلىش ئارقىلىق غەزەپنى داۋالاشقا كەلسەك: غەزەپلەنگۈچى سۈكۈت قىلىشى، ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلىشى، شۇنداقلا ھالىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار غەزەپلەنسە، سۈكۈت قىلسۇن» دېگەن.

ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا تۇراتتۇق، ئىككى كىشى بىر بىرىنى تىللاشقا باشلىدى. بىرسىنىڭ چىرايى غەزەپتىن قىپقىزىل بولۇپ كەتكەنىدى. بۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مەن بىر كەلىمە بىلىمەن. ئەگەر ئۇ ئادەم: ”ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە سىغىنىپ ›قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن)“ دېسە، ئاچچىقى دەرھال بېسىقىدۇ .»دېدى

. ھەم بىز غەزەپلەنگەندە ئولتۇرۇۋالسۇن، ئولتۇرغان ھالەتتە بولسا يېتىۋالسۇن. تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇلدۇق. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممسى ھەدىسلەردە كەلگەندۇر

ئەبۇ ۋائىل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ غەزەپلەنگەندە تاھارەت ئېلىشنىڭ ھېكمىتىنى ،بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇرۋە ئىبنى مۇھەممەدنىڭ قېشىدا ئىدۇق ئۇنىڭغا بىر ئادەم ئېغىر گەپلەرنى قىلدى، ئۇرۋە ئىبنى مۇھەممەد قاتتىق :غەزەپلەندى، ئاندىن ئورنىدىن تۇردى ۋە تاھارەت ئالدى. ئاندىن كېلىپ دېدىكى ‹دادام ماڭا بوۋام ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ”غەزەپ شەيتاندىندۇر، شەيتان بولسا ئوتتىن يارىتىلغان. ئوت سۇ بىلەن ئۆچۈرۈلىدۇ، شۇڭا بىرىڭلار غەزەپلەنگەندە، تاھارەت ئالسۇن“ دېگەنلىكىنى .»›ئېيتىپ بەرگەنىدى

غەزەپلەنگەندە ئولتۇرۇۋېلىش ۋە يېتىۋېلىشقا كەلسەك، ئىنسان غەزەپلەنگەندە ئولتۇرۇۋېلىش بىلەن يارىتىلغان تۇپراققا يېقىن بولۇشقا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ئەسلەپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشقا بۇيرۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش بىلەن كەمتەر بولغىلى بولىدۇ. چۈنكى، غەزەپلىنىش كىبىردىن، كېلىدۇ. بۇنىڭغا دەلىل، ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غەزەپلىنىش ھەققىدە: «كىمكى غەزەپلەنگەنلىكىنى ھېس قىلسا، مەڭزىنى زېمىنغا ياقسۇن» دېگەن.

رىۋايەت قىلىنۇركى، «خەلىفە مەھدى بىر ئادەمگە غەزەپلىنىپ، ساۋىداش ئۈچۈن قامچا تەلەپ قىلدى، شۇ سورۇندىكى شەبىب دېگەن كىشى مەھدىينىڭ جىمسىز باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغانلىقىنى- ئاچچىقىنى ۋە سورۇنداشلارنىڭ لام كۆرۈپ: ‹ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ ئۈچۈن ئاللاھتىن بەكرەك.»غەزەپلەنمىگەيسىز!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلىفە: ‹ئۇنى قويۇۋېتىڭلار› دېدى

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى

ۋەسەللەم: «بىرىڭلار ئۆرە تۇرغان ھالەتتە غەزەپلەنسە، دەرھال ئولتۇرۇۋالسۇن. غەزىپى يانسا ياندى، يانمىسا يېتىۋالسۇن» دېگەن.

ئاچچىقىنى يۇتۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا: «ئۇلار ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلاردۇر» «3ئال ئىمران-134» دەيدۇ ۋە ئاللاھ. تائالانىڭ بۇ بايانى ماختاش تەرىقىسىدىدۇر

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى (قارشى تەرەپكە) كۈچى يېتىپ تۇرۇپ ئاچچىقىغا ھاي بېرەلىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنى پۈتۈن خالايىق ئالدىدا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى خاھلىغان ھۆر پەرىنى تاللىۋېلىش.»ئىختىيارلىقىنى بېرىدۇ

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتىن قورققان كىشى ئاچچىقىنى تىزگىنلەيدۇ. ئاللاھتىن قورققان كىشى خاھلىغىنىنى قىلمايدۇ. ئەگەر قىيامەت كۈنى بولمىغان بولسا ئىدى، باشقىچە ئىشلارنى كۆرگەن.»بولاتتىڭلار

ھىلم (مۇلايىم، يۇمشاق، ئەپۇچان بولۇش) توغرىسىدا

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىلىم ئۆگىنىشكە تىرىشىش بىلەن؛ ھىلم مۇلايىم، بوينى يۇمشاق بولۇشقا تىرىشىش بىلەن قولغا كېلىدۇ» دېگەن.

«ئىلىم ئۆگىنىڭلار، ئىلىم بىلەن بىرگە تەمكىنلىك ۋە سەبرچانلىقنىمۇ .ئۆگىنىڭلار، ئوقۇغۇچىڭلارغا ۋە ئۇستازىڭلارغا قارىتا مۇلايىم، يۇمشاق بولۇڭلار.»ئەسلا زومىگەر ئالىملاردىن بولماڭلاركى، نادانلىقىڭلار ھىلمىڭلارنى يېڭىۋالمىسۇن

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەشەج ئەبدى قەيسكە: «سەندە ئاللاھ ۋە رەسۇلى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى خىسلەت بار: ھىلىم ۋە تەئەننى (مۇلايىملىق، سەبرچانلىق)» دېگەن.

بىر ئادەم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئېغىر ھاقارەت قىلدى. ئۇ — نەقمەيداندىكى ئىكرىمەگە— گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئىبنى ئابباس مۇنداق دېدى: «ئى ئىكرىمە! قارىغىنچۇ، بۇ كىشىنىڭ بىرەر ھاجىتى بارمىكىن؟ ،بار بولسا ئۇنى ئادا قىلايلى». شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم بېشىنى تۆۋەنگە سېلىپ. قاتتىق خىجىل بولدى

بىر كىشى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئاڭلىغۇدەك قىلىپ قاتتىق گەپلەرنى :قىلدى، مۇئاۋىيەگە

ئۇنى جازالىمامسىز؟ دېيىلگەنىدى، مۇئاۋىيە جاۋابەن مۇنداق دېدى:

بىرەر پۇقرايىمنىڭ قىلمىشى سەۋەبلىك ھىلمىمنى زورۇقتۇرۇشتىن ھايا. قىلىمەن

مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تېرە بىساتلارنى تەقسىم قىلىپ، بىر قىسمىنى دىمەشىقلىك بىر شەيخكە ئەۋەتكەنىدى، ئەۋەتىلگەن پارچىدىن شەيخ رازى بولمىدى ۋە «مۇئاۋىيەنىڭ بېشىغا ئۇرىمەن» دەپ قەسەم قىلدى، ئاندىن :مۇئاۋىيەنىڭ يېنىغا كېلىپ، قەسىمىنى بايان قىلغانىدى، مۇئاۋىيە ئۇنىڭغا «ئەي شەيخ، نەزرىڭنى ئورۇنلىغىن، ئۆتۈنۈشۈم ماڭا ئۇرغاندا يۇمشاق قول بول» دېدى

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر خىزمەتچىسى پۇتى سۇنۇق بىر قوي :بىلەن ئەبۇ زەرنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى، ئەبۇ زەر ئۇنىڭغا

— بۇ قوينىڭ پۇتىنى كىم سۇندۇردى؟ — دېگەنىدى، خىزمەتچى:

سېنى ئاچچىقلانسۇن دەپ، ئاچچىقىڭدا مېنى ئۇرسۇن ۋە گۇناھكار بولسۇن— : دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ زەر— دەپ، مەن ئەتەي سۇندۇردۇم

، سېنى مېنى غەزەپلەندۈرۈشكە قىزىقتۇرغان شەيتاننى مەن غەزەپلەندۈرىمەن— . دېدى ۋە ئۇنى ئازاد قىلىۋەتتى—

بىر ئادەم ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تىللىدى، ئۇ تىللاشتىن توختىغۇچە سۈكۈت قىلغان ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «دەيدىغان يەنە باشقا گەپلىرىڭ بولسا، يۇرتنىڭ ياشلىرى كەلمەستە دەۋال. چۈنكى، ياشلار ئۆز »رەھبەرلىرىگە بۇنداق گەپلەرنى قىلغىنىڭنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا رازى بولمايدۇ .دېدى

،خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز قاراڭغۇ بىر كېچىدە مەسجىدكە كىردى

مەسجىدتە ئۇخلاۋاتقان بىر كىشىنىڭ يېندىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا :پۇتلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم بېشىنى كۆتۈرۈپ

— ساراڭمۇ سەن؟ — دېگەنىدى، ئۆمەر:

دېدى — ! ياق— شۇ ئەسنادا ئۆمەرنىڭ قوغدىغۇچىسى ئۇ كىشىنى ئەدەبلىمەكچى بولغانىدى ›ئۆمەر: «بەس! ئۇ مەندىن ‹ساراڭمۇ سەن؟› دەپ سورىغانىدى، مەن ‹ياق. دەپ جاۋاب بەردىم» دېدى

،بىر ئادەم ئەلى ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆرۈپلا تىللاشقا باشلىدى شۇنىڭ بىلەن مالايلار ئۇنى ئەدەبلىمەكچى بولغانىدى، ئەلى: «توختاڭلار!» دېدى ۋە ئۇ ئادەمگە قاراپ: «سەن بىلمىگەن ئەيىبلىرىمىز تېخىمۇ كۆپتۇر، بىز ياردەم قىلغۇدەك بىرەر ھاجىتىڭ بارمۇ؟» دېگەنىدى، ئۇ ئادەم خىجىل بولدى، ئاندىن ئىمام ھۇسەين ئۇنىڭغا ئۇچىسىدىكى تۆت بۇرجەك يوللۇق قارا يېپىنچىسىنى تەڭگە بېرىشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن كېيىنچە ئۇ1000 تاشلاپ بەردى ۋە ئادەم: «سېنىڭ پەيغەمبەر ئەۋلادى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دەيدىغان. بولغان ئىدى

بىر ئادەم ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھكە: «پالانى سېنى تىللىدى» دېگەنىدى. ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ: «شەيتان سېنىڭدىن باشقا ئەلچى تاپالمىغان ئوخشىمامدۇ؟!» دېدى.شەيتان سەندىن باشقا ئەلچى تاپالماپتۇ

ئەپۇ قىلىش ۋە مۇلايىملىق ھەققىدە

شۇنى بىلگىنكى، ئەپۇ قىلىشنىڭ مەنىسى تامامەن ھەقلىق تۇرۇپ ھەققىڭنى ئالماسلىقىڭ ياكى بىراۋدىن ئېلىنىدىغان قىساستىن ۋەيا قەرزنىڭ بىر قىسمىدىن بولسىمۇ ۋاز كېچىشىڭ بولۇپ، ئۇ ھىلم ۋە ئاچچىقىنى يۇتۇشتىن «ئۇلار (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك :باشقا سۈپەتتۇر. ئاللاھ تائالا دېگەنكى «كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا ۋە» «3ئال ئىمران-134» قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ) ئارىسىنى تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى «42شۇرا-40» دوست تۇتمايدۇ

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەدىقە مالدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى زىيادە ئەپۇچان قىلسا، ئۇ پەقەت زىيادە ئەزىز بولىدۇ. بىر كىشى ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر.»بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدۇ

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئۇقبە! ساڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئەھلىنىڭ ئەڭ - رەھىمنى ئۈزگەنگە سىلە- ئەۋزەل ئەخلاقلىرىنى دەپ بەرمەيمۇ؟ سەندىن سىلە رەھىم قىلىسەن، سېنى مەھرۇم قىلغانغا بېرىسەن، ساڭا زۇلۇم قىلغاننى ئەپۇ قىلىسەن» دېگەن.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، قىيامەت كۈنى: «ئاللاھ تائالا چوقۇم ئەجرىنى بېرىدىغان كىشىلەر ئورنىدىن تۇرسۇن» دەپ نىدا قىلىنسا، پەقەت ئەپۇ قىلغان كىشىلەرلا ئورنىدىن تۇرىدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ئاللاھ مۇلايىمدۇر، مۇلايىملىقنى ياخشى كۆرىدۇ، قوپلالىققا بەرمىگەننى مۇلايىملىققا بېرىدۇ» دېگەن.

،«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ئاللاھ بارلىق ئىشلاردا مۇلايىم بولغاننى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە: «مۇلايىملىقتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشى ياخشىلىقتىن. مەھرۇم قىلىنىدۇ» دېيىلگەن

ئاداۋەت تۇتۇش ۋە ھەسەت قىلىش توغرىسىدا

شۇنى بىلگىنكى، ئىنسان نەقمەيداندا ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز كېلىپ ئاچچىقنى يۇتقان بولسا، ئاچچىق ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ .ساقلىنىپ، ئاخىرىدا ئاداۋەتكە ئايلىنىدۇ

ئاداۋەتنىڭ ئالامىتى: بىر شەخسنى داۋاملىق يامان كۆرۈش، كۆرەر كۆزى بولماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشتۇر. ئاداۋەت غەزەپنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. ھەسەت بولسا ئاداۋەتنىڭ نەتىجىسىدۇر.

زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرگە ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ كېسىلى .تېگىشكە باشلىدى، بۇلار: ھەسەت قىلىش ۋە ئاداۋەتلىشىشتۇر» دېگەن

«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۆزئارا ئۆچەكەشمەڭلار، ئۆزئارا تاشلاشماڭلار، ئۆزئارا ھەسەت !قىلىشماڭلار، ئۆزئارا تەتۈر قاراشماڭلار، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار مۇسۇلمان ئۈچۈن قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال.»بولمايدۇ

باشقا بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ھەسەت ياخشىلىقلارنى خۇددى ئوت ئوتۇننى يېگەندەك يەيدۇ» دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ›‹بۇ كەڭ يولدىن سىلەرگە بولغۇسى جەننەت ئەھلى بىر ئادەم چىقىپ كېلىدۇ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئادەم چىقىپ كەلدى. ئاندىن ئۇنىڭ قىلىدىغان ئەمىلى توغرۇلۇق سورلاغاندا، ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: ‹مەن ھېچبىر مۇسۇلماننى .»›ئالدىمايمەن ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشىلىققا ھەسەت قىلمايمەن

يەنە شۇنداق رىۋايەت قىلدۇقكى، ئاللاھ تابارەك ۋەتائالا مۇنداق: «ھەسەت قىلغۇچى مېنىڭ نېئمىتىمنىڭ دۈشمىنىدۇر، ھۆكمىمگە ئاچچىقلانغان ۋە .»مېنىڭ بەندىلەر ئارىسىدىكى تەقسىماتىمغا رازى بولمىغان كىشىدۇر

ئىبنى سىرىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن ھېچبىر كىشىگە بىرەر دۇنيالىق ئىشتا ھەسەت قىلىپ باقمىدىم. چۈنكى، ئۇ كىشى بولغۇسى جەننەت ئەھلىدىن بولسا، بەرىبىر جەننەتكە قايتىدىغان تۇرسا، نېمىشقا بىرەر دۇنيا ئىشىدا ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغۇدەكمەن؟! ئەگەر ئۇ بولغۇسى دوزاخ ئەھلىدىن بولسا، بەرىبىر دوزاخقا قايتىدىغان تۇرسا، نېمىشقا بىرەر دۇنيالىق ئىشتا ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغۇدەكمەن?!» دېگەن.

ئىبلىس نۇھ ئەلەيھىسسالامغا: «ھەسەت قىلىشتىن ساقلانغىن. چۈنكى، مېنى .ھەسەت بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى» دېگەن

شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان قېرىندىشىڭغا بىرەر نېئمەت بەرگەن :بولسا، سەن ئۇ نېئمەتكە نىسبەتەن ئىككى خىل ھالەتتە بولىسەن، بىرىنچى: شۇ نېئمەتنى يامان كۆرىسەن ۋە ئۇنىڭ يوقۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىسەن. مانا بۇ ھەسەتتۇر

ئىككىنچى: ئۇ نېئمەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىدىن بىئارام بولماسلىقىڭ ۋە ئۇنىڭ يوقۇلۇشىنى ئىستەپ كەتمەسلىكىڭ. لېكىن، شۇنىڭ ئوخشىشىنىڭ ئۆزۈڭدىمۇ .بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىڭ. بۇ بولسا «غىبتا (ھەۋەس)» دەپ ئاتىلىدۇ

، ئېيتۇر: «شۇنى بىلگىنكى— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— مۇئەللىف مەن بۇ ھەقتە كۆڭۈلدىكىدەك گەپ قىلغان ھېچبىر كىشىنى كۆرمىدىم، شۇڭا :ئۆزۈمنىڭ ئېنىق بىرنەرسە دېيىشىم زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. مەن دەيمەنكى .‹ئىنسان نەپسى ئۈستۈنلۈكنى ياخشى كۆرۈش تەبىئىتى ئۈزرە يارىتىلغاندۇر شۇڭا، كىشىنىڭ نەپسى ئۆز جىنسىدىن بىرىنىڭ ئۆزىدىن ئۈستۈن بولۇشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بىراۋ ئۆزىدىن ئۈستۈن بولسا كىشىگە ھار كېلىدۇ، ئۇنى يامان كۆرىدۇ ۋە باراۋەر بولۇشى ئۈچۈن ئۇ ئۈستۈنلۈكنىڭ يوقۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ »›بولسا ئىنسان تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن بىر ئىشتۇر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ :مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۈچ ئىشتىن ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ گۇمانخورلۇق، شۇم پلا ئېلىش ۋە ھەسەت قىلىش. سىلەرگە بۇلاردىن قۇتۇلۇش، يولىنى سۆزلەپ بېرىمەن. ئەگەر گۇمان قىلساڭ، گۇمانىڭ بىلەن ئىش قىلما.»شۇم پلا ئالساڭمۇ ئىشىڭنى داۋام قىلغىن ۋە ھەسەت قىلساڭ زۇلۇم قىلمىغىن

ھەسەتنى داۋالاش بەزىدە ئاللاھنىڭ قازاسىغا رىزا بولۇش، بەزىدە دۇنياغا قىزىقماسلىق، بەزىدە دۇنيا غەملىرى ۋە ئاخىرەتتىكى ھېساب قاتارلىق نېئمەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرگە قاراپ ئۆز ھالى بىلەن تەسەللى تېپىش، ئەسلا كۆڭلىدىن كەچكەن خىياللىرى بىلەن ئەمەل قىلماسلىق ۋە سۆزلىمەسلىك بىلەن بولىدۇ. مۇشۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىگە ھەسەت زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

پەيغەمبەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ھەسەت قىلغۇچى / قىزغانغۇچى ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولماسلىقىنى ياكى ئالىمنىڭ ئىلمىگە ھەسەت قىلغۇچى ئۇنىڭ ئىلمىدىن مەھرۇم قېلىشىنى ياكى ئول نېئمەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغان يېرى يوق. ئەمما، كافىر ۋە يامان نەپسلەر بۇنداق تۇيغۇلاردا بولالايدۇ. كىشى ئۆزىنىڭ تەڭتۇشلىرىدىن ئېشىپ كېتىشنى ۋە ئۇلار بىلەلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلسا، گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى، كىشى دوستلىرىنىڭ مەۋجۇد نېئمەتلىرىدىن مەھرۇم قېلىشىنى تىلىگەن ئەمەس. بەلكى پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا نېسىۋىسىنىڭ زىيادە بولۇشى ئۈچۈن تەڭتۇشلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىشنى ئىستىگەندۇر. بۇ خۇددى خوجايىنىغا خىزمەت قىلىشتا مۇسابىقىلەشكەن ئىككى قۇلغا ئوخشايدۇ. ئۇلاردىن بىرى مۇسابىقىدە ئۇتۇۋالماقچى «83مۇتەففىفىن-26» «بۇ ھەقتە بەسلەشكۈچىلەر ئۆزئارا بەسلەشسۇنلەر :بولىدۇ. ئاللاھ تائالا. دېگەن

«سەھىھەين»دە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پەقەت ئىككى خىسلەتكىلا ھەسەت دۇنيا ئاتا قىلىپ، ئۇنى- قىلىش جائىزدۇر: بىرى، ئاللاھ ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال ھەق يولدا ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر قىلغان كىشىگە؛ يەنە بىرى، ئاللاھ ئىلىم ئاتا قىلغان، ئۇشبۇ ئىلىم بىلەن توغرا ھۆكۈم چىقارغان ۋە شۇ ئىلىمنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن كىشىگە» دېگەن.

،ھەسەت قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىر قىسىمى: ئاداۋەت، كىبىر، تەمەننا. باشلىقلىق سەۋداسى، ئىچى يامانلىق ۋە بېخىللىق قاتارلىقلار

بۇلاردىن ئەڭ مۇھىمى ئاداۋەت ۋە ئۆچ كۆرۈشتۇر. چۈنكى، خاھلىغان بىر سەۋەب بىلەن بىر كىشى بىر كىشىگە ئەزىيەت بەرسە ۋە ئۇنى مۇرادىغا يېتىشتىن توسسا، ئۇ كىشىنى قەلبىدىن ئۆچ كۆرىدۇ ۋە كۆڭلىدە ئاداۋەت ئورۇنلىشىپ قالىدۇ. ئاداۋەت ساقلاش ئۆچ ئېلىش ۋە ئىنتىقام ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاداۋەت تۇتقۇچى دۈشمىنىگە نېمە مۇسىبەت يېتىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭدىن خۇشال

مۇسىبەتنى ئاللاھ تائالا تەرەپتىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن- بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەتكەن بالا. جازا، دەپ ئويلايدۇ. دۈشمىنىگە نېمە نېئمەت يەتسە، ئۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ .شۇنداق قىلىپ ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىك ئۇ كىشىنى چىرماپ، قەتئىي قويۇۋەتمەيدۇ سىتەمنى دىلىدىن يامان- تەقۋا كىشىنىڭ غايىسى زۇلۇم قىلماسلىق ۋە زۇلۇم كۆرۈشتۇر. بىر كىشىگە ئۆچ بولۇپ قېلىپ، ئۆچ كۆرۈلگۈچىنىڭ خۇشاللىقى ۋە .قايغۇسىنىڭ ئۇنىڭ نەزەرىدە باراۋەر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس

-كىبىرگە كەلسەك، كىشى تەڭتۇشلىرىدىن ياكى شۇنىڭغا يېقىنراق بىراۋ مال مەنسەپكە ئېرىشسە، بۇ سەۋەبلىك ئۆزىگە قارىتا چوڭچىلىق- دۇنيا ياكى ئەمەل قىلىشى ۋە ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىغا تاقابىل تۇرالماسلىقىدىن قورقىدۇ؛ ھوقۇق ۋە مالغا ئېرىشكۈچى ئۆزىدىن تۆۋەن كىشى بولسا، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ياكى ئۆزىگە تەڭداش بولۇپ قېلىشىغا تاقەت قىلالمايدۇ. كافىرلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قىلغان ھەسىتى بۇنىڭغا يېقىندۇر. ئاللاھ تائالا «ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا (مەككە بىلەن تائىفتىن ئىبارەت) ئىككى :مۇنداق دېگەن ‹43زۇخرۇف-31› شەھەردىن بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى

«ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام :كافىرلار مۇئمىنلەر ھەققىدە . دېگەن ‹6ئەنئام-53› قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمىكەن؟

»…«سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر :كافىرلار پەيغەمبەرلىرىگە . دېگەن» «36ياسىن-15» «ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا :ئۇلار يەنە مۇنداق دېگەن ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر «23مۇئمىنۇن-34» دېمەك، كافىرلار ئەجەبلەندى، ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر ئىنساننىڭ پەيغەمبەرلىك. مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەنلىكىگە چىدىيالمىدى ۋە ھەسەت قىلىشتى

: ئابرۇينى ياخشى كۆرۈشكە كەلسەك، بۇنىڭ مىسالى- باشلىق بولۇشنى ۋە يۈز بىر كىشى خاھلىغان بىر ئىلىم ياكى ھۈنەردە تەڭداشسىز ۋە مىسلىسىز ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. خەقنىڭ ئۆزىنى ماختىشىغا تولىمۇ خۇشتار ۋە «مانا بۇ زات زاماننىڭ يېگانە ۋە ھۈنەردە تەڭداشسىز كىشىسى» دېگەندەك ماختاشلىرىدىن بەك خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان كۈنلەردە، دۇنيانىڭ نېرىقى ئۇچىدا ئۆزىگە ئوخشاش بىر كىشىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىسا بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ ۋە ئۇ كىشىنىڭ تېزراق ئۆلۈشىنى ياكى ئىلىم، باتۇرلۇق، ئىبادەت، ھۈنەر، بايلىق ۋەياكى باشقا بىرەر ساھەدە ئۆزىگە شېرىك كىشىنىڭ شۇ نېئمەتنى يوقىتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. مانا بۇ يېگانىلىك دەۋاسى بىلەن بىرگە رەھبەرلىك سەۋداسىدىن ئۆزگە نەرسە ئەمەستۇر.

يەھۇدىي ئالىملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تونۇپ تۇرۇپ، ئىنكار قىلغان ۋە ئۆز رەھبەرلىك مەرتىۋىلىرىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن قورقۇپ. رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتىمىغان ئىدى

ئىچى يامانلىق ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بېخىللىق قىلىشقا كەلسەك، سەن. كىشىلەر ئىچىدە باشلىقلىققا ھېرىس بولمىغان ۋە كىبىرسىز كىشىنى كۆرىسەن لېكىن، ئۇنىڭ قېشىدا ھەقتائالانىڭ بىر بەندىسىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نېئمەت . ئەھۋالى بايان قىلىنسا، بۇ ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدۇ- قىلىپ بېرىلگەن ياخشى ھال، ئەكسىچە ئەگەر كىمنىڭدۇر ئىشلىرىنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىنى، نەس باسقانلىقىنى غۇربەتچىلىكتە قالغانلىقىنى ئاڭلىسا خۇشال بولىدۇ. ئۇ دائىما باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەينىدە قېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە نېئمەت بەرسە .خۇددى ئۇنىڭ مۈلكى ۋە خەزىنىسىدىن ئالىدىغاندەك بېخىللىق قىلىدۇ

ئالىملاردىن بىرى مۇنداق دېگەن: ئىككى خىل پىخسىق باردۇر: ئۆز مېلىغا لابخيل)؛ ئۆزگىنىڭ مېلىغا پىخسىقلىق( پىخسىقلىق قىلغان كىشىگە بېخىل لاشحيح) دېيىلىدۇ. ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئۆزى( قىلىدىغان كىشىگە شەھىھ بىلەن ھېچقانداق ئاداۋەت ياكى دوستلۇقى يوق بەندىلەردىن قىزغانچۇچى ئىككىنچى تۈردىندۇر. بۇنداق پىخسىقلىقنىڭ ئىچى يامانلىق ۋە ناچار تەبىئەتتىن ئۆزگە سەۋەبى يوقتۇر. بۇنى داۋالاش قىيىندۇر. چۈنكى، بۇنىڭ ئۆتكۈنچى بىر. سەۋەبى يوق، سەۋەبى بولغان بولسا ئۇنى يوقىتىشقا تىرىشقان بولاتتى پىخسىقلىقنىڭ سەۋەبى دەل تەبىئەتنىڭ ناچارلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى .يوقىتىش تەستۇر. مانا بۇلار ھەسەتخورلۇقنىڭ سەۋەبلىرىدۇر

تەڭتۇشلار ۋە قۇرداشلار ئارىسىدا ھەسەت قىلىشنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنىڭ بايانى

شۇنى بىلگىنكى، بىز بايان قىلىپ ئۆتكەن سەۋەبلەر كۆپ تېپىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەسەتمۇ كۆپ بولىدۇ. ھەسەت قىلىش كۆپىنچە ئەھۋاللار. تەڭتۇشلار، قۇرداشلار، قېرىنداشلار ۋە نەۋرە تۇغقانلار ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ چۈنكى، كۆرەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى ئۆز ئىچىدە بىردەكلىك بولمىغان مەقسەتلەردە نىشاننىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىدۇر. شۇ ۋەجدىن ئۆزئارا ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى .كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ئالىمنىڭ بىر ئابىدقا ئەمەس باشقا بىر ئالىمغا ھەسەت، قىلغانلىقىنى، ئابىدنىڭمۇ ئالىمغا ئەمەس يەنە بىر ئابىدقا ھەسەت قىلغانلىقىنى

سودىگەر سودىگەرنى، موزدوز موزدوزنى كۆرەلمەيدۇ، ھەرگىزمۇ بىرەر سەۋەبسىز گەزملاچىغا ھەسەت قىلمايدۇ. چۈنكى ھەر تائىپىنىڭ مەقسىتى باشقا بىر. تائىپىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ

بىرىدىن- شۇڭا، دۈشمەنلىكنىڭ نېگىزىدە مەنپەئەت توقۇنۇشى باردۇر. بىر يىراقتىكى ئىككى كىشى ئوخشاش مەنپەئەت ۋە مەقسەت ئۈزرە بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ. ئوخشىمىغان ئىككى شەھەردە ياشىغۇچى ئوخشىمىغان ئىككى كىشى ئارىسىدا ھېچقانداق باغ / رىشتە بولمايدۇ. مەلۇم بىر ماقامغا ئېرىشىشكە قاتتىق، ھەۋەسلىك ياكى پۈتۈن دۇنياغا داڭق سېلىشقا ھېرىسمەن كىشىلەرلا بولمايدىكەن يىراقتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھەسەت / كۆرەلمەسلىك بولمايدۇ. ھەددىدىن دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولۇشىدىن— ئارتۇق ھەۋەسلىك ياكى ئارزۇمەند كىشى ئۆزى ماختانغان بىر خىسلەتكە شېرىك ھەرقانداق كىشىگە ھەسەت— قەتئىنەزەر. قىلىدۇ

بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسىل مەنبەسى دۇنيا سۆيگۈسىدۇر. مەنپەئەت توقۇنۇشقان ئىككى كىشى ئۈچۈن بۇ دۇنيا تار كېلىدۇ. لېكىن، ئاخىرەتتە بولسا، ھېچقانداق تارلىق مەۋجۇد ئەمەس. ئاللاھ تائالانى، پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ئاسمانلىرى ۋە زېمىنىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى چىن مەنادا تونۇش ئىستىكىدىكى - كىشىلەر بۇنى تونۇپ يەتكەندە، باشقىلارغا ھەسەت قىلمايدۇ، چۈنكى، ئىلىم، مەرىپەت ئارىفلارغا (ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچىلارغا) تار كەلمەيدۇ ئەكسىچە بىر مەلۇماتنى مىڭلاپ ئالىم بىلسىمۇ، ئۇنى باشقىلارنىڭ بىلگىنىدىن خۇشال بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دىن ئالىملىرى ئارىسىدا ھەسەت قىلىشىش، بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى تونۇش بولۇپ بۇ تونۇش ھېچقانداق تارلىق مەۋجۇد بولمىغان كەڭ بىر دېڭىزدۇر. ئۇلارنىڭ، ئاخىرقى نىشانى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى كاتتا ئورۇنغا ئېرىشىش بولۇپ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى نەرسىلەردىمۇ تارچىلىق يوقتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى ئەڭ كاتتا نېئمەت ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىش شەرىپى .بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىشتا نە بىرى بىرىنى توسۇپ قېلىش، نە تالىشىش بولمايدۇ ھەقتائالاغا قارىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى بەزىلىرىنى قىستاپ قويمايدۇ، بەلكى قارىغۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئۈلپەت تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ. لېكىن، دىن ئابرۇي تېپىشنى مەقسەت قىلسا- دۇنيا ۋە يۈز- ئالىملىرى ئىلىم ئارقىلىق مال. ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىدۇ

،ئىلىم بىلەن مال ئارىسىدا پەرق باردۇر. مال بىراۋنىڭ قولىدىن چىقمىغۇچە يەنە بىرىنىڭ قولىغا چۈشمەيدۇ. ئىلىم بولسا ئالىمنىڭ قەلبىگە ئورناشقان بىر

ئەڭگۈشتەر بولۇپ، باشقىلارغا ئۆگىتىشى بىلەن ئىلىم ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىپ. كەتمەيمۇ ئۆگىتىلگەن ئادەمنىڭ قەلبىگە ئورنىشىۋېرىدۇ. ئىلىمنىڭ چېكى يوقتۇر كىمكى ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، كاتتىلىقىنى ۋە پادىشاھلىقىنى تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلەندۈرسە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق نېئمەتلەردىن تېخىمۇ .لەززەتلىك بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا چەكلىمە يوق ۋە رىقابەتمۇ بولمايدۇ .شۇڭا، كىشىنىڭ قەلبىدە ياراتمىشلاردىن ھېچكىمگە قارىتا ھەسەت بولمايدۇ چۈنكى، ئۆزى بىلگەننى باشقىلارنىڭمۇ بىلىشى ئۇنىڭ لەززىتىنى زەررىچە .كېمەيتىۋەتمەيدۇ

يۇقىرىقىلاردىن كېيىن، ھەسەت قىلىشنىڭ پەقەتلا نۇرغۇن كىشىنىڭ تەڭلا ھەممەيلەنگە يەتمەيدىغان چەكلىك بىر نىشانغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئوتتۇرىغا. چىقىدىغانلىقىنى بىلدىڭ

دەرۋەقە كىشىلەرنى ئاسماننىڭ زىننەتلىرى بولمىش يۇلتۇزلارغا قاراشتا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشمايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. چۈنكى، ئاسمان بىپايان، جىمى كۆزلەر، قارىسىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ. شۇڭا، ئەگەر سەن نەپسىڭگە كۆيۈنگۈچى بولساڭ تالىشىش يوق، كۆڭۈلسىزلىكتىن خالىي نېئمەت ۋە لەززەتنى تەلەپ قىلغىن! بۇ نېئمەت ۋە لەززەت ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئاجايىپ ھۆكۈمدارلىقىنى تونۇشتىلا مەۋجۇدتۇر. بۇ نېئمەت ۋە لەززەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى ھەقىقىي تونۇشقا مەرىپەت ئارقىلىقلا ھاسىل بولمايدۇ. مۇبادا، ئاللاھ- ئىشتىياق باغلىماي، ئىلىم تائالانى ھەقىقىي تونۇش لەززىتىنى ھېس قىلمىساڭ ۋە بۇ بارىدا قىزىقىشىڭ ئاجىز بولسا، سەن ھەقىقىي ئەركەك كىشى ئەمەسسەن، شەكسىزكى بۇ ھەقىقىي. ئەركەكلەرنىڭ ئىشىدۇر. چۈنكى، قىزىقىش تەمىنى تېتىشتىن كېيىن پەيدا بولىدۇ تېتىپ باقمىغان كىشى بىلمەيدۇ. بىلمىگەن كىشى سېغىنمايدۇ، سېغىنمىغان كىشى تەلەپ قىلمايدۇ، تەلەپ قىلمىغان كىشى ئېرىشەلمەيدۇ، ئېرىشەلمىگەن. كىشى مەھرۇم كىشىلەر قاتارىدا قېلىۋېرىدۇ

ھەسەتنىڭ داۋاسى

،شۇنى بىلگىنكى، ھەسەتخورلۇق بۈيۈك قەلب كېسەللىكلىرىدىن بىرى بولۇپ قەلب كېسەللىرى پەقەت ئىلىم ۋە ئەمەل بىلەنلا داۋالىنىلىدۇ. ھەسەت كېسىلىگە پايدا قىلىدىغان ئىلىم ھەسەتنىڭ سېنىڭ دىن ۋە دۇنيالىقىڭغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭدۇر. بىلگىنكى، ھەسىتىڭنىڭ ھەسەت قىلىنغۇچىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىقىغا ھېچقانداق زىيىنى يوق، بەلكى ئۇ بۇنىڭدىن پايدا ئالىدۇ. سەن ھەسەت قىلغانغا ئۇ ياقنىڭ نېئمىتى يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەگەر سەن ئاخىرەتكە

ھەسەتتىن ساقلىنىشىڭ ئەقىل— ئاقىل بولساڭ— ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ ،كارى بولاتتى. چۈنكى، ھەسەت قىلىشتا ھېچقانداق پايدا يوق بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇ قەلبكە ئەلەمدۇر. ئاخىرەتتە ھەسەتخورغا بولغۇسى ئازابنى بىلىپ !تۇرۇپ، سەن قانداقمۇ ھەسەت قىلىسەن؟

بىز يۇقىرىدا ئېيتقان: «ھەسەت ھەسەت قىلىنغۇچىغا دىنى ۋە دۇنيالىقىدا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى ھەسەت قىلىنغان كىشى ھەسەت، قىلغۇچىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدا ئالىدۇ» دېگەن سۆزىمىزنىڭ بايانى شۇكى ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە تەقدىر قىلغان بىر نېئمەت ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان. مۇددەتكىچە ئۇ كىشىدە داۋام قىلىدۇ. ئۇ كىشىگە ئاخىرەتتە ھېچ زىيان بولمايدۇ چۈنكى، ئۇ كىشى ئۇ نېئمەت سەۋەبلىك گۇناھكار بولمايدۇ. بەلكى ئۇ نېئمەتتىن ھەرىكىتىڭدە كۆرسەتسەڭ، ھەسەت- پايدىلىنىدۇ. سەن ھەسەتنى سۆز ۋە ئىش. قىلىنغۇچى كىشى سەن تەرەپتىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولىدۇ

ھەسەت قىلىنغۇچىنىڭ دۇنيادا ئالىدىغان مەنپەئەتىگە كەلسەك، كىشىلەر ھەممىدىن بەك دۈشمىنىنى قايغۇ ئىچىدە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. سېنىڭ ھەسەت بۇ ئەلبەتتە— سەۋەبلىك تارتقان ئازابىڭدىنمۇ چوڭ ئەلەم ۋە ئىزتىراپ بولمايدۇ .— دۈشمىنىڭنى سۆيۈندۈرىدۇ

ئەگەر بىز بايان قىلىپ ئۆتكەن سۆزلەرنى ئوبدان ئويلانساڭ، ئۆز نەپسىڭنىڭ ئۆزۈڭگە دۈشمەن، دۈشمىنىڭگە دوست ئىكەنلىكىنى بايقايسەن! سېنىڭ ئەھۋالىڭ بەئەينى دۈشمىنىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ تاش ئاتقان، ئەمما تاش دۈشمىنىگە تەگمەي، يېنىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ كۆزىگە تېگىپ (بىر) كۆزىدىن ئايرىلغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ، تاشنى بىرىنچى قېتىمدىكىدىن قاتتىقراق ئاتىدۇ، تاش يەنە قايتىپ كېلىپ ئۆزىگە تېگىپ، يەنە بىر كۆزىدىنمۇ ئايرىپ قارىغۇ قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇ تېخىمۇ ئاچچىقلاپ ئۈچىنچى قېتىم تاش ئاتسا تاش يەنە يېنىپ كېلىپ بېشىنى يېرىۋېتىدۇ. دۈشمىنى بولسا ھېچنېمە بولماي، ساق پېتى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈۋاتقان بولىدۇ. مانا بۇ ئىلىم بۇيرۇغان دورىلاردۇر. كىشى بۇلارنى تەپەككۇر قىلسا، قەلبىدىكى ھەسەت ئوتى .ئۆچىدۇ

ھەسەتنى داۋالاشتىكى پايدىلىق ئەمەل: ھەسەت بۇيرىغان نەرسىنىڭ ئەكسىنى قىلىشقا ئۆزىنى مەجبۇرلاشتۇر. ھەسەت كىشىنى ھەسەت قىلىنغۇچىغا ئاداۋەت تۇتۇشقا ۋە ئەيىبلەشكە بۇيرۇسا، نەپسىنى قارشى تەرەپنى ماختاش ۋە مەدھىيەلەشكە؛ تەكەببۇرلۇق قىلىشقا بۇيرۇسا، كەمتەر بولۇشقا؛ ياخشىلىق. قىلماسلىققا بۇيرۇسا، ئەتەي كۆپرەك ياخشىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىشى كېرەك

سەلەف سالىھلەردىن بەزىلەر بىرەر شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىسا، غەيۋەت قىلغۇچىغا ھەدىيە ئەۋەتەتتى. بۇ دورىلار ھەسەتكە بەك، پايدىلىقتۇر، لېكىن بەسى ئاچچىقتۇر. «كۆزلىگەن نەرسىلىرىڭ بولمايلىۋەرسە بولىدىغان نەرسىنى كۆزلە» دېگەن ھېكمەتنى بىلىش بۇ دورىلارنى ئىچىشنى .ئاسانلاشتۇرۇشى مۇمكىن. مانا بۇ مۇتلەق داۋادۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر


دۇنيانى ئەيىبلەش توغرىسىدا

«قۇرئان كەرىم»دە دۇنيانى ئەيىبلىگەن، ئۇنىڭغا قىزىقماسلىققا تەرغىب. قىلغان ۋە دۇنيا ھەققىدە مىساللار بايان قىلىپ كەلگەن ئايەتلەر كۆپتۇر «ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن كۈمۈشتىن :خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ شۇ سۆزلىرىدەك توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (ئۆتكۈنچى) شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە ، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك)» «3ئال ئىمران-14».

«ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگىرىشى، نېئمەتلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى بولۇشى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشى جەھەتتىن) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى-دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئورۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز» «10يۇنۇس-24».

«بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، (كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا چوڭچىلىقتىن، پۇل-مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، (بەئەينى بىرەر قېتىم يېغىش بىلەن ئۆستۈرگەن) ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر» «57ھەدىد-20»

«(يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى) ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇ-نېئمەتلەر) تەقۋادارلارغا خاستۇر» «43زۇخرۇف-35». «بىزنىڭ زىكرىمىزدىن (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئاندىن) باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ…» «53نەجم-29-30».

ھەدىسلەرگە كەلسەك «سەھىھەين»دە مۇستەۋرىد ئىبنى شەدداد رەزىيەللاھۇ :ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن «دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن بىرىڭلار ماۋۇ (كۆرسەتكۈچ) بارمىقىنى دېڭىزغا . يەنە بىر»تىققانغىلا ئوخشايدۇ، بارمىقى نېمە بىلەن قايتىدۇ قاراپ باقسۇن، ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دۇنيا كافىرنىڭ جەننىتى مۇئمىننىڭ زىندانىدۇر» دېگەن.

،«ناۋادا دۇنيا ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە پاشىنىڭ قانىتىغا باراۋەر بولسا ئىدى »كافىرنى ئۇنىڭدىن بىر يۇتۇم سۇدا سۇغارمىغان بولاتتى

«دۇنيا مەلئۇندۇر، ئاللاھ ئۈچۈن بولغان نەرسىلەردىن باشقا ئىچىدىكىلەرمۇ .»مەلئۇندۇر

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى دۇنيانى ياخشى كۆرسە، ئاخىرىتىگە زىيان سالىدۇ، كىمكى ئاخىرىتىنى ياخشى كۆرسە دۇنيالىقىغا زىيان سالىدۇ. شۇڭا، باقىي قالىدىغاننى فانىيدىن ئەلا بىلىڭلار» دېگەن.

ھەسەن ئەلبەسرىي ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزىگە دۇنيانى سۆكۈپ ئۇزۇن بىر پارچە خەت يازغان، ئۇ خەتتە: «مەقسەتكە كەلسەك، دۇنيا ئەبەدىيلىك يۇرتى ئەمەس، بەلكى ئۆتەڭ يۇرتتۇر. ئادەم ئەلەيھىسسالام دۇنياغا جازالىنىش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن ئىدى. ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! دۇنيادىن ھەزەر قىلغىل! دۇنيادىن ئېلىنغۇسى ئوزۇق دەل ئۇنى تەرك ئېتىشتۇر. دۇنيانىڭ بايلىقى ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر. دۇنيانى ئەزىز بىلگەن كىشىنى دۇنيا خار قىلۇر. مال توپلىغان كىشىنى دۇنيا كەمبەغەل قىلۇر، دۇنيا مىسالى زەھەردۇر، بىلمىگەن كىشى ئۇنى يۇتۇر، بۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمى دېمەكتۇر. ئۇ ھالدا بۇ ئالدامچى، خىيانەتچى، گوللىغۇچى يۇرتتىن ئۆزۈڭنى قاچۇرغىن» دەپ يازغان.

دۇنيانىڭ جىمى ئاچقۇچلىرى ۋە خەزىنىلىرى نەبىي مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەڭلەنگەن ئىدى. ھالبۇكى، دۇنيا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بولغاندا ئىدى، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدىكى مەرتىۋىسى بىر پاشىنىڭ قانىتىچىلىك كەملەپ قالمايتتى. شۇنداق تۇرۇپمۇ .پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتتى چۈنكى، ئاللاھ ئەمرىگە قارشى چىقىشنى مەكرۇھ بىلدى، ياراتقۇچى يامان كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرۈشنى خاھلىمىدى ياكى پادىشاھى پەس قىلغان نەرسىنى ئۈستۈن قىلىشنى ئىستىمىدى. ئۇ شۇنداق بىر دۇنيادۇركى، ئاللاھ تائالا سىناق. ئۈچۈن سالىھ قۇللىرىدىن ئاياپ، ئالداش ئۈچۈن دۈشمەنلىرىگە بولۇشىغا بەردى دۇنيا بىلەن مەغرۇرلانغان ۋە دۇنياغا ئىگە بولغۇچى ئۆزىنى دۇنيا بىلەن ئىكرام قىلىنغان دەپ ئويالمدۇ؟! ئۇ كىشى مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم چاغدا ئاللاھنىڭ نېمە قىلغانلىقىنىئاچلىقتىن قورسىقىغا تاشلارنى تاڭغان

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى

ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رەببىم ماڭا مەككىنىڭ بەتھا دېگەن سايلىقىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇپ بەرمەكچى بولغانىدى، مەن ئۈچ قېتىم: ‹ئى رەببىم! ئۇنداق قىلىپ بەرمىگىن. مەن بىر كۈن ئاچ، بىر كۈن توق ئۆتەي؛ قورسىقىم ئاچقاندا، ساڭا يېلىنىپ، سېنى زىكرى قىلاي؛ تويغاندا .) ‹ھەسەن› دېگەن3980( :بولسا، ساڭا تەشەككۈر ۋە ھەمد ئېيتاي› دېدىم». تىرمىزىي ) جابىر4101( ) دېگەنكى: بۇخارىي بۇ ھەدىستە101/8 ،»زەبىيدىي («ئىتھافۇسسادە

رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇردى، ھالبۇكى قورسىقى تاش بىلەن تېڭىلغان ئىدى» دېگەن لەۋىز بىلەن؛ تىرمىزىي ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «قورساقلىرىمىزغا تېڭىۋالغان تاشلارنى كۆرسەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قورسىقىغا باغلىغان ئىككى پارچە تاشنى كۆرسەتتى» دەپ

  • دۇنيا ئۆزىگە ئېشىپ- ئۇنتۇمدۇ؟! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! بەندىلەردىن مال يۇ، بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق بولۇشىدىن- تاشقۇچە بېرىلگەن بولسۇن دۇنيا- قورقمىغان كىشى ئەقلى كەمتۈك، نەزىرى ئاجىز كىشىدۇر. بىر مال بېرىلمىگەندە، بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر سىناق ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن دۇنيا- كىشىنىڭمۇ ئەقلى نۇقسان، نەزەر دائىرىسى تاردۇر، شۇنداقلا مال بېرىلمىگەندە بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر خەير ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن كىشىمۇ .كەم ئەقىل ۋە قەلب كۆزى خىرە كىشىدۇر

مالىك ئىبنى دىنار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سېھىرگەر دۇنيادىن.»ساقلىنىڭلار! چۈنكى، ئۇ ئالىملارنىڭ قەلبلىرىنىمۇ سېھىربەند قىلىۋېتەلەيدۇ

دۇنيا ھەققىدە ئېيتىلغان ئوخشىتىشلاردىن بىرى، يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيدنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: «مەن دۇنيانى گويا ئۇخلاۋاتقان بىر كىشىگە ئوخشاتتىم. كىشى چۈشىدە ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنىمۇ، ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ .»كۆرىدۇ ۋە شۇ ھالىتىدە تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كېتىدۇ بۇ قاتارلىق سۆزلەردىن يەنە بىرى: «كىشىلەر ئۇيقۇدا، ئۆلگەندە ئويغىنىدۇ يەنى ئۇلار ئۆلگەن ھامان ئويغىنىدۇ ۋە قوللىرىدا دۇنيادا تايانغان ۋە خۇشال.»بولغان ھېچنېمىسى بولمايدۇ.

رىۋايەتتە قىلىنۇركى، «ئىيسا ئەلەيھىسسالام دۇنيانى چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن بىر قېرى موماي سۈرىتىدە كۆردى، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھەرتۈرلۈك زىننەت :بار ئىدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام دۇنياغا

— قانچە قېتىم توي قىلدىڭىز؟ — دېگەنىدى، دۇنيا:

— ساناپ بولالمايمەن، — دېدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام:

ھەممىسى سىزدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتتىمۇ ياكى ھەممىسى سىزنى تالاق— قىلدىمۇ؟

. بەلكى مەن ھەممىسىنى ئۆلتۈردۈم—

ھايات قالغان ئەرلىرىڭىزنىڭ شورى قۇرۇسۇن! ئۇلار قانداقمۇ كەتكەن— بىرلەپ ھالاك قىلىدىغان- ئەرلىرىڭىزدىن ئىبرەت ئالمىغاندۇ؟! سىز ئۇلارنى بىر »!تۇرسىڭىز، ئۇلار قانداقمۇ سىزدىن ئېھتىيات قىلمىغاندۇ؟

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

«دۇنيا قىيامەت كۈنى ئاق چاچلىق، كۆزى كۆك، توڭكاي چىش، بەتبەشىرە :قېرى بىر كەمپىر سۈرىتىدە كەلتۈرۈلىدۇ ۋە خالايىق ئالدىغا چىقىرىلىپ، ئۇلارغا

: دېيىلىدۇ. ئۇلار— بۇنى تونۇمسىلەر؟—

دەيدۇ: . ئاندىن— بۇنى تونۇشتىن ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمىز—

بۇ دۇنيادۇركى، سىلەر شۇنى دەپ جېدەللەشكەن ئىدىڭلار، شۇنى دەپ— رەھىمنى ئۈزگەن ئىدىڭلار، شۇنى دەپ ھەسەت قىلىشقان، دۈشمەنلەشكەن- سىلە : دېيىلىدۇ ۋە دۇنيا دوزاخقا تاشلىنىدۇ. شۇ چاغدا دۇنيا— ۋە ئالدانغان ئىدىڭلار

. دەيدۇ— ئى پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىم ۋە دوستلىرىم قېنى؟— :ئاللاھ تائالا

ئى دۇنيانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە دوستلىرى، قېنى سىلەرمۇ ئۇنىڭغا— .» دەيدۇ— !قوشۇلۇڭلار، ئەبۇلئەئال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «چۈشۈمدە قېرى بىر ئايالنى كۆردۈم، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھەر تۈرلۈك زىننەت بار ئىدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ :ھەيرانلىقتا توختاپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. مەن

— ۋاي بىچارە! سىز كىمسىز؟ — دېگەنىدىم، ئۇ:

دېدى — مېنى تونۇمامسەن؟—

! ياق—

. مەن دۇنيا—

. ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ سېنىڭ يامانلىقىڭدىن پاناھ سورايمەن—

مالنى- سەن مېنىڭ يامانلىقىمدىن ساقلىنىشنى ياخشى كۆرسەڭ، پۇل— .»يامان كۆرگىن، ئاللاھ دوستلىرىدىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مەن چۈشۈمدە دۇنيانى بەتبەشىرە .»دۈمچەك ۋە قېرى بىر موماي ھالىتىدە كۆردۈم

باشقا بىر مىسال: شۇنى بىلگىنكى، سەن ئۈچ تۈرلۈك ھالدا بولىسەن:

بىرى، سەن ھېچنېمە ئەمەس ھالىتىڭ، بۇ سەن يارىتىلىشتىن ئىلگىرىكى .ھالەتتۇر

مەڭگۈگە قېلىش- يەنە بىرى، سەن ئۆلگەن سائەتتىن ئېتىبارەن مەڭگۈ

ھالىتىڭدۇر. ئۇندا، سېنىڭ روھىڭ تېنىڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەۋجۇد ھالەتتە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇ يا جەننەتتە ۋەيا دوزاختا بولىدۇ. بۇ بولسا. ئەبەدىلئەبەد قېلىشتۇر

بۇ ئىككى ھالەت ئارىسىدا يەنە بىر ئوتتۇراھال بىر ھالەت باردۇركى، ئەنە شۇ سېنىڭ دۇنيادىكى كۈنلىرىڭدۇر. بۇنىڭ مىقدارىغا قارا ۋە ئۇنى يۇقىرىقى ئىككى ھالەتكە سېلىشتۇرۇپ كۆرگىن. شۇندىلا سەن دۇنيا ھاياتىڭنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندىنمۇ ئاز ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. دۇنياغا مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغان كىشى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ / يۆلەنمەيدۇ. دۇنيادىكى كۈنلىرى مۇسىبەت ۋە .تارچىلىقتا ئۆتتىمۇ ياكى كەڭرىچىلىك ۋە باياشاتلىقتا ئۆتتىمۇ؟ پەرۋا قىلمايدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەك ئۈستىگە كېسەك قومۇش ئۈستىگە قومۇش قويغان ئەمەس ۋە: «مېنىڭ دۇنيا بىلەن نېمە ئىشىم؟ مېنىڭ ئەھۋالىم بىلەن دۇنيانىڭ ئەھۋالى خۇددى بىر تۈپ دەرەخ ئاستىغا كىرىپ سايىدىغاندىن كېيىن، دەرەخنى تاشلاپ يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغان يولۇچىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ، خالاس» دېگەن.

ئىيسا ئەلەيھىسسالام: «دۇنيا بىر كۆۋرۈكتۇر. ئۇنىڭدىن ئۆتۈڭلار، لېكىن ئۇنى گۈللەندۈرمەڭلار» دېگەن. بۇ ناھايىتى روشەن بىر مىسالدۇر. چۈنكى، دۇنيا ئاخىرەتكە تۇتاشقان بىر كۆۋرۈكتۇر. بۇ كۆۋرۈكنىڭ بىرىنچى تۈۋرۈكى بۆشۈك بولسا، ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى تۈۋرۈكى قەبردۇر. كىشىلەرنىڭ بەزىسى كۆۋرۈكنىڭ يېرىمىغا كەلگۈچە، بەزىلىرى ئۈچتىن بىرىگىچە، بەزىلەر ئۈچتىن ئىككىسىگىچە ۋە بەزىلەر كۆۋرۈكنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە غاپىلدۇر. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تېز ئۆتۈپ كېتىۋېتىپمۇ كۆۋرۈك- ھامان شۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە مەجبۇر. تېز ئۈستىگە ئۆي قۇرۇش، ياساش، بېزەش ۋە زىننەتلەش ئۇچىغا چىققان نادانلىق ۋە .ئەخمەقلىقتۇر

دەپتۇرلەركى: «دۇنيا تەلەپ قىلغۇچى بەئەينى دېڭىز سۈيىنى ئىچكۈچىگە — ئۇسسىغانسېرى ئىچىدۇ— ئوخشايدۇ. ئىچكەنسېرى ئۇسسۇزلۇقى ئاشىدۇ .»ھەتتا ئىچكەن سۈيى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ

سەلەفلەردىن بىرى دوستلىرىغا: «يۈرۈڭلار، مەن سىلەرگە دۇنيانى كۆرسىتىپ :قوياي!» دەيتتى ۋە ئۇلارنى دۆۋىلەپ قويۇلغان گەندە يېنىغا ئېلىپ باراتتى ۋە - توشقانلىرىغا، ھەسەل- چېۋە، توخۇ- «ئەييۇھەنناس! خالايىقنىڭ مېۋە . ھە؟!)» دەيتتى- قايماق ۋە سېرىق مايلىرىغا قاراڭلار! (نېمىگە ئايلانغان

باشقا بىر مىسال:

ھەسەن ئەلبەسرىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ماڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى يەتتى: «مېنىڭ، سىلەرنىڭ توزانلىق بىر چۆلدە ماڭغان كىشىلەرگە- ۋە دۇنيانىڭ ئەھۋالى خۇددى چاڭ ئوخشايدۇكى، ئۇلار قانچىلىك يولنى بېسىپ بولغانلىقىنى ۋە يەنە قانچىلىك يول تۈلۈكى تۈگەپ، مىنەرگە ئۇلىغى يوق- قالغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرغاندا ئوزۇق سۇسىز، ھەم- قېلىپ قالىدۇ. ھەم ئاچ— چارىسىز— ھالدا چۆلنىڭ ئوتتۇرىدا ئۇلاغسىز. ئۇلار ھاياتتىن تامامەن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ تۇرغاندا، ئۇشتۇمتۇت- مەركەب بىر قۇر پۇزۇر كىيىم كىيگەن، بېشىدىن سۇ تامچىلاپ تۇرىدىغان بىر كىشى چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزىچە: ‹بۇ كىشى يېقىنلاردىكى بىر ۋاھەدىن كەلگەن ئوخشايدۇ، ۋاھە يىراق بولمىسا كېرەك› دېيىشىدۇ. ئۇ كىشى ئۇلارنىڭ يېنىغا :كېلىپ

دەيدۇ: . ئۇلار— ھەي خالايىق! ھالىڭلار قانداق؟—

دەيدۇ: . ئۇ كىشى— ھالىمىز كۆرۈپ تۇرغىنىڭدەك—

ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرنى قانغۇچە تاتلىق سۇ ۋە ئاجايىب يېشىللىق— : دەيدۇ. ئۇلار— باغلارغا باشلاپ بارسام نېمە قىلىسلەر؟

دەيدۇ: . ئۇ— ساڭا ھېچ ئىشتا ئاسىيلىق قىلمايمىز—

دەيدۇ». پەيغەمبەر— ! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئەھدە بېرىڭلار— سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتى: «ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئۇ كىشىگە ھېچ ئىشتا ئاسىيلىق قىلماسلىققا ئەھدىلەر بېرىدۇ. ئۇ كىشى ئۇلارنى سۇ ۋە يېشىللىق باغلار بار يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئۇ كىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا :ئاللاھ خاھلىغان مۇددەتكىچە تۇرىدۇ. ئاندىن

دەيدۇ: . ئۇلار— ئى خالايىق! قېنى تۇرۇڭلار، سەپەر قىلىمىز—

دەيدۇ: . ئۇ كىشى— قەيەرگە؟—

سىلەرنىڭ بۇ سۈيۈڭلارغا ۋە باغلىرىڭلارغا ئوخشىمايدىغان سۇ ۋە باغلار—— . دەيدۇ— بار يەرگە

شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى:

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! بىز بۇنىڭدەك سۇ ۋە باغلاردىن تامامەن نائۈمىد— بولۇپ تۇرغاندا بۇلارنى تاپتۇق، بىز بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تۇرمۇشنى قانداق

دەيدۇ: . ئۇلاردىن ئاز بىر قىسمىلا— !قىلىمىز؟

سىلەر بۇ كىشىگە ئاسىيلىق قىلماسلىققا ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ— تۇرۇپ ئەھدە بەرگەن ئەمەسمىدىڭلار؟ بۇ كىشى سىلەرگە ئاۋۋالقى گېپىدە راست . دەيدۇ— سۆزلىدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! بۇ سۆزىدىمۇ راستچىلدۇر

ئاندىن ئۇ كىشى ئۆزىگە ئەگەشكەن كىشىلەر بىلەن كېتىدۇ، قالغانلار شۇ يەردە قېلىپ قالىدۇ. ئاندىن دۈشمەن كېلىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ.»بىر قىسمى ئۆلىدۇ ۋە بىر قىسمى ئەسىرگە چۈشىدۇ

«سەھىھەين»دە ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ۋە ئاللاھ مېنى ئەۋەتكەن ھەقنىڭ مىسالى خۇددى شۇنداق بىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇكى، ئۇ ئۆز :قەۋمىگە مۇنداق دەيدۇ

ئى قەۋمىم! مەن ياۋ قوشۇنىنى ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆردۈم، مەن ئوچۇق— !ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن! تېز قېچىڭلار

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان كىشىلەردىن بىر تۈركۈمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ ۋە . ئاستا يىراقلىشىپ دۈشمەندىن قۇتۇلىدۇ- ئاۋۋال كېچە يولغا چىقىپ، ئاستا يەنە بىر تۈركۈملەر ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئۆز يېرىدە تاڭ ئاتقۇزىدۇ ۋە ياۋ قوشۇنى ئەتىگەندە باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆز يۇرتىدا ھالاك قىلىدۇ ۋە قىرىپ تاشلايدۇ. مانا بۇ ماڭا ئىتائەت قىلغان ۋە مەن ئېلىپ كەلگەن ھەقكە ئەگەشكەنلەر بىلەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ۋە مەن ئېلىپ كەلگەن ھەقنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ.»مىسالىدۇر

دۇنيانىڭ ھەقىقىتى، دۇنيانىڭ ئەيىبلىنىدىغان ۋە ماختىلىدىغان تەرىپى

نۇرغۇن كىشىلەر دۇنيانى مۇتلەق قارىلايدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغان ۋە بۇلارنى ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان مەۋجۇداتقا ئىشارە دەپ چۈشىنىۋېلىشقان ۋە نەتىجىدە ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق / كېرەكلىك بولغان . ئىچمەكلەرنىمۇ تەرك ئەتكەندۇر-يېمەك

ئاللاھ تائالا ئىنساننى نەپسىگە مەنپەئەتلىك نەرسىگە ئىنتىلىدىغان تەبىئەتتە ياراتقان. بەزىلەر نەپسى بىرەر نەرسىگە ئىنتىلسە، ئۆزلىرىچە زاھىدلىقنىڭ پەيتى

دەپ قارىغانلىقى ۋە نەپسنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ھەقلىرى بارلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئارزۇغا توسقۇنلۇق قىلىشتى. زاھىد بولۇۋالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ .ھالدا بولۇپ، ئۇلار بۇنى ئىلىمنىڭ ئازلىقىدىن قىلدى

بىز ھېچبىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەستىن، ھەقىقەتنى ئاشكارا قىلىپ، شۇنداق :دەيمىزكى

بىلگىن، دۇنيا ئىنسانلار كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان مەۋجۇد شەيئىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر ئىنساننىڭ ئۇنىڭدا نېسىۋىسى بار. بۇ مەۋجۇد شەيئىلەر بولسا زېمىن. ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىلەردۇر. يەنى، يەر يۈزى ئىنساننىڭ تۇرلاغۇسىدۇر ئىچمەك ۋە نىكاھلىنىش قاتارلىقلارنىڭ- كېچەك، يېمەك- يەر يۈزىدىكى كىيىم. ھەممىسى ئاللاھ تائالا تەرەپكە يول ئالغۇچى «بەدەن ئۇلىغىنىڭ ھەلىپى»دۇر خۇددى ھەج يولىدىكى تۆگە سەپەردە ئېھتىياجىنىڭ تەمىنلىنىشى بىلەنلا تىرىك قالالىغانغا ئوخشاش، بەدىنىمىزمۇ ئېھتىياجى قامدىلىشى بىلەنلا مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالايدۇ . دېمەك، بۇ ئېھتىياجلىرىنى بۇيرۇلغان يول بويىچە قامدىغۇچىلار چاڭگاللاپ، ھاجىتىدىن ئارتۇق- ماختىلىدۇ، ئەكسىچە ئاچكۆزلۈك بىلەن چاڭگال. ئالغۇچى ئەيىبلىنىدۇ

،ئاچكۆز كىشىنىڭ دۇنيالىق نەرسىلەر ئېلىشىنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق چۈنكى ئاچكۆزلۈك ئىنساننى پايدىدىن زىيانغا تاشلايدۇ ۋە ئاخىرەتنى ئويلاشتىن مەشغۇل قىلىدۇ. شۇ ۋەجدىن كۆزلەنگەن نەرسە قولدىن كېتىدۇ. ئۇنداق كىشى بېزەكلەرنى- بەئەينى تۆگىسىگە ھەلەپ بېرىدىغان، سۇغۇرۇپ ۋە تۈرلۈك پۆپۈك تاقاپ يۈرۈپ، ھەمراھلىرىنىڭ مېڭىپ بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ، چۆلدە ئۆزى ۋە .تۆگىسى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئولجا بولغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ

دۇنيالىقتىن ھاجەت مىقدارىدا ئالماسلىقنىڭ (بۇ ھەقتە ئەستايىدىل بولماسلىقنىڭ) ھەقلىق بىر تەرىپى يوق. چۈنكى، ئۇلاغ / تۆگە ئۆزىگە يارام نەرسىلەرنى يېگەندىلا مېڭىشقا قادىر بولالايدۇ. شۇڭا، ساغلام يول ئوتتۇراھال يولدۇر. ئوتتۇراھال يول بولسا: كۆڭلى تارتىپ تۇرسىمۇ، دۇنيالىقتىن ئېھتىياجىغا تۇشلۇق مىقداردا ئېلىشتۇر. چۈنكى، نەپسكە ئارزۇ قىلغان نەرسىسىنى بېرىش. ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغانلىق بولىدۇ

سۇفيان سەۋرىي رەھىمەھۇللاھ كۆپ ۋاقىتلاردا ياخشى تاماقلارنى يەيتتى ۋە .سەپەردە يېنىغا ھەسەل ھالۋىسى ئېلىۋالاتتى

ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ بەزى ۋاقىتلاردا ياخشى تاماقلارنى يەيتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «تاپالىساق ئەركەكتەك يەيمىز، تاپالمىساق ئەركەكتەك سەبر.»قىلىمىز

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملەرنىڭ ھاياتىغا قاراپ باقايلى! ئۇلار دۇنيادىن پايدىلىنىشتا ئاشۇرۇۋەتمىگەنىدى، نەپسىنىڭ ھەقلىرىگىمۇ .سەل قارىمىغانىدى

نەپس ئارزۇ قىلغان نەرسىگە ياخشى قاراپ بېقىش كېرەك. ئەگەر ئۇ نەپسنى قوغداش، داۋاملاشتۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشى ئىشلار ئۈچۈن جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولسا توسماسلىق كېرەك. ئەگەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەنپەئەتلەرگە .مۇناسىۋەتلىك بولماي، پەقەت شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا بولسا، ئەيىبلىنىدۇ .مانا بۇ زاھىدلىق قىلىدىغان پەيتتۇر


بېخىللىق، ھېرىسمەنلىك، تەمەخورلۇقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى، مالنىڭ ئەيىبلىنىدىغان ۋە ماختىلىدىغان تەرەپلىرى، قانائەتچان بولۇش، سېخىي بولۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۈپەتلەرنىڭ مەدھىيەلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا

شۇنى بىلگىنكى، مالنىڭ ئۆزى ئەيىبلەنمەيدۇ. بەلكى ئىنساندىكى سۈپەتلەر سەۋەبىدىن مالنى ئەيىبلەش يۈز بېرىدۇ. ئۇ سۈپەتلەر بولسا: ئىنساننىڭ مالغا قاتتىق ھېرىسمەن بولۇشى ياكى ئۇنى ئېلىش ھالال بولمايدىغان ئورۇندىن ئېلىشى، ياكى مالنىڭ زاكاتقا ئوخشاش ھەققىنى بەرمەسلىكى، ياكى مالنى ھالال بولمايدىغان يەرگە سەرپ قىلىشى ۋەياكى مال بىلەن پەخىر قىلىشى قاتارلىق ،«سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار :سۈپەتلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن بالىلىرىڭلار (سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا «64تەغابۇن-15» كاتتا ساۋاب بار

«سۇنەنۇتتىرمىزىي»دا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مال ۋە مەنسەپ سەۋداسىنىڭ بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىغا بەرگەن زىيىنى ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ بىر قوتانغا كىرىپ، يېگىنىنى يەپ، قالغىنىنى ئۆلتۈرۈپ (مال ئىگىسىگە) سالغان زىيىنىدىن تېخىمۇ چوڭدۇر» دېگەن. سەلەف سالىھلەر مالنىڭ پىتنىسىدىن بەك قورقاتتى

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شەھەرلەرنىڭ فەتىھ بولغىنىنى كۆرسە يىغلاپ كېتەتتى

ۋە: «ئاللاھ تائالا بۇ فەتىھلەرنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئەبۇبەكرى ئىككىسىگە .بېرىشنى خاھلىماي، ئۆمەرگە بەرگۈسى كېلىپ نېسىب قىلغىنى يوق» دەيتتى

،يەھيا ئىبنى مۇئاز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «پۇل چايانغا ئوخشاشتۇر شۇڭا سەن ئۇنىڭغا ئوبدان دېمىدە قىلالمىساڭ ئۇنى ئالمىغىن، چۈنكى ئۇ سېنى :چېقىۋالسا زەھىرى سېنى ئۆلتۈرىدۇ». يەھياغا

: دېيىلگەنىدى، ئۇ— ئۇنىڭغا دېمىدە قىلىش دېگەن نېمە؟—

.» دېدى— مالنى ھالالدىن تېپىش ۋە ھالالغا سەرپ قىلىش—

ئۇ يەنە: «بەندە ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ مېلىغا كىشىلەر مىسلىنى ئاڭلاپ :باقمىغان ئىككى مۇسىبەت كېلىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭغا

— قايسى ئىككى مۇسىبەت؟ — دېدىلەر، ئۇ:

— ئۇ بارلىق مېلىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ۋە ئۇ ماللاردىن سوئال قىلىنىدۇ— .دېدى

مالنى ماختاش توغرىسىدا

يۇقىرىدا مالنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيىبلەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدۇق. بەلكى، مال ماختىلىشى كېرەك. چۈنكى، مال دىن ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشىش سەۋەبىدۇر. ئاللاھ تائالا مالنى ياخشلىق دەپ ئاتىدى. مال بولسا ئىنساننىڭ «ئاللاھ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ :تىرىكچىلىكىنىڭ ئاساسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن» «4نىسائ-5» !ئاساسى قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «مال ئارقىلىق ئابرۇيىنى ، رەھىم قىلىشنى ۋە مالنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشنى ئويلىسىمۇ- ساقلاشنى، سىلە .»ھالالدىن مال توپلاشنى كۆزلىمىگەن كىشىدە ياخشىلىق يوق

دۇنيانىڭ- ئەبۇ ئىسھاق سەبئىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «ئۇلار ‹مال.»كەڭرىچىلىكى دىنغا ياردەم بېرىدۇ› دەپ قارايتتى

سۇفيان سەۋرىي رەھىمەھۇللاھ: «مال بىزنىڭ بۇ زامانىمىزدا مۇئمىنلەرنىڭ. قورالىغا ئوخشاشتۇر» دېگەن

خۇلاسە كالام: مال زەھىرىمۇ ۋە زەھەر قايتۇرغۇچى دورىسىمۇ بار بولغان بىر، يىلانغا ئوخشاشتۇركى، ئۇنىڭ زەھەر قايتۇرىدىغان دورىسى ئۇنىڭ پايدىلىرى ئاپەتلىرى بولسا ئۇنىڭ زەھىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى مالنىڭ ئاپەتلىرى ۋە

پايدىلىرىنى بىلسە، مالنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنالايدۇ ۋە مالنىڭ ياخشىلىقىدىن. پايدىلىنالايدۇ مالنىڭ پايدىلىرى دۇنيالىق ۋە دىنىي دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

دۇنيالىق پايدىلار: ھەممە ئۇنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار مال تەلەپ قىلىشقا پۈتۈن. ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىدۇ

مالنىڭ دىنىي پايدىلىرىنى ئۈچ تۈرگە ئىخچاملاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى تۈر: مالنى ھەج ياكى جىھادقا ئوخشاش ئىبادەتلەرنى قىلىشتا ياكى كېچەك ۋە- ئىچمەك، كىيىم- تىرىكچىلىكنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىدىن بولغان يېمەك تۇرلاغۇ جايغا ئوخشاش ئىبادەتلەرنى قىلىشتا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىگە نەپىقە قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ھاجەتلەر تولۇق بولمىسا، قەلب دىن ۋە .ئىبادەتكە بېرىلەلمەيدۇ. ئىبادەت قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتىمۇ ئىبادەتتۇر شۇڭا، دىنىغا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن دۇنيالىقتىن يېتەرلىك مىقداردا ئېلىش -دىنىي مەنپەئەتلەر جۈملىسىدىندۇر. ھاجەت مىقدارىدىن زىيادە ئېلىش ۋە راھەت. پاراغەتتە ياشاش بۇنىڭ سىرتىدا. چۈنكى، ئۇ دۇنيانىڭ نېسىۋىلىرىدىندۇر

ئىككىنچى تۈر: كىشىلەرگە سەرپ قىلىنىدىغان مال بولۇپ، ئۇ تۆت قىسىم. بولىدۇ

بىرىنچى قىسىم: سەدىقە قىلىش. سەدىقە قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى كۆپ ۋە مەشھۇردۇر.

بۆلۈم: “بىرىنچى قىسىم: سەدىقە قىلىش. سەدىقە قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى كۆپ ۋە مەشھۇردۇر.”

ئىككىنچى قىسىم: ئادەمگەرچىلىك قىلىش. يەنى، مالنى بايلارغا ۋە ئۇلۇغلارغا

بۆلۈم: “ئىككىنچى قىسىم: ئادەمگەرچىلىك قىلىش. يەنى، مالنى بايلارغا ۋە ئۇلۇغلارغا”

زىياپەت، ھەدىيە ۋە ياردەم قىلىش قاتارلىقلاردا سەرپ قىلىش. بۇمۇ دىنىي مەنپەئەتلەر قاتارىدىندۇر. چۈنكى، مال ئارقىلىق بەندە دوست ۋە يېقىنلارغا. ئېرىشىدۇ

ئۈچىنچى قىسىم: شائىرلارنىڭ ھەجۋ قىلىشى، ئەخمەقلەرنىڭ ئەيىبلىشىنى دەفئ

بۆلۈم: “ئۈچىنچى قىسىم: شائىرلارنىڭ ھەجۋ قىلىشى، ئەخمەقلەرنىڭ ئەيىبلىشىنى دەفئ”

قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ تىلىنى توختىتىش، يامانلىقىدىن ساقلىنىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئابرۇيىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. بۇمۇ دىنىي مەنپەئەتلەردىن- مال سەرپ قىلىپ، يۈز بىرىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر ئادەم بىرنەرسە ئابرۇيىنى قوغدىسا، ئۇ نەرسە سەدىقە ئورنىدا بولىدۇ- بىلەن يۈز» دېگەن.

چۈنكى، مال غەيۋەت قىلغۇچىنى غەيۋەت قىلىش گۇناھىدىن توسىدۇ. شەرىئەت چېگراسىدىن ئۆتۈپ ئىنتىقام ئېلىشقا سەۋەب بولىدىغان دۈشمەنلىشىشتىن ساقلاپ. قالىدۇ تۆتىنچى قىسىم: باشقىلارنى خىزمەتكە سالغانلىقىغا ئىش ھەققى بېرىش ئىنسان ئورۇنداشقا موھتاج بولىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپتۇر. ئەگەر ئۇ ئىشلارنى ئۆزى قىلىمەن دېسە ۋاقىتلىرى زايە بولىدۇ ۋە ئاخىرەت يولىغا ماڭغۇچىلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك ماقامى بولغان زىكىر ئېيتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئاخىرەت يولىدا مېڭىشى قىيىن بولىدۇ. مېلى يوق ئادەم ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشقا مەجبۇردۇر. شۇڭا، باشقىلار قىلالايدىغان ۋە باشقىلارنىڭ قىلىشى بىلەن سېنىڭ مەقسىتىڭ ھاسىل بولۇشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق ئىش ئۈچۈن مەشغۇل بولۇشۇڭ زىياندۇر. چۈنكى، سەن باشقىلار قىلالمايدىغان ئىلىم، ئەمەل، زىكىر ۋە .تەپەككۇر بىلەن مەشغۇل بولۇشقا ئۇ ئىشلارغا قارىغاندا بەكرەك موھتاجسەن.

ئۈچىنچى تۈر: ئىنسان مۇئەييەن بىرنەرسىگە سەرپ قىلمىغان، لېكىن مەسجىدلەرنى، كۆۋرۈكلەرنى، مەڭگۈلۈك ۋەقفلەرنى بىنا قىلىشقا ئوخشاش ئومۇمىي. ياخشىلىققا ئېرىشتۈرىدىغان مال

مانا بۇلار تىلەش خارلىقىدىن، نامراتلىق زەبۇنلىقىدىن قۇتۇلۇش، مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ئەزىز بولۇش، كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە ھۆرمەتلىك ۋە قىممەتلىك بولۇش. قاتارلىق نەق نېسىۋىلەردىن باشقا مالنىڭ بىر قىسىم دىنىي پايدىلىرىدۇر

مالنىڭ يامانلىق ۋە ئاپەتلىرىگە كەلسەك، ئۇمۇ دۇنيالىق ۋە دىنىي ئاپەتلەر دەپ :ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ

مالنىڭ دىنىي ئاپەتلىرى ئۈچ قىسىمدۇر:

، مەئسىيەتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى- بىرىنچى: مال كۆپىنچە ھالدا گۇناھ قۇۋۋەت سەزگەن كىشى ئۇنىڭغا مايىل- مەئسىيەت قىلىشقا كۈچ- ئۆزىدە گۇناھ. بولىدۇ

مەئسىيەت قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدىغان بىر تۈرلۈك- مال بولسا گۇناھ مەئسىيەت قىلىشتىن ئۈمىدسىزلەنگەندە، ئۇنىڭدىكى- كۈچتۇر. ئىنسان گۇناھ مەئسىيەتنى ھەم- مەئسىيەتكە بولغان مايىللىق قوزغالمايدۇ. گۇناھ- گۇناھ قۇۋۋەت ئىگىسى ئەگەر كۆڭلى تارتقان نەرسىنى قىلىۋەرسە- تاپالمايدۇ. يەنى كۈچ قۇۋۋىتى بار تۇرۇپ كۆڭلى تارتقان نەرسىنى قىلماي- ھالاك بولىدۇ. ئەگەر كۈچ سەبر قىلسا، سەبر ئىمتىھانىغا ئۇچرايدۇ. كەڭرىچىلىكنىڭ پىتنىسى تارچىلىقنىڭ. پىتنىسىدىن ياماندۇر

ئىككىنچى: مال ئىنساننى مۇباھ نەرسىلەر بىلەن باياشات ياشاشقا ئېلىپ بارىدۇ، ھەتتا باياشات تۇرمۇش كىشىگە ئادەت ۋە ئۈلپەت بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باياشات ياشىمىسا سەبر قىلالمايدۇ، بەزىدە شۈبھىلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىقلا باياشات ياشاشقا قادىر بولىدۇ ۋە شۈبھە ئىشلارغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، ئاندىن بۇ خۇشامەت قىلىش ۋە ئىككى يۈزلىمىلىكتەك ئاپەتلەرگە تەرەققىي قىلىدۇ. چۈنكى، مېلى كۆپ بولغان كىشى كىشىلەرگە ئارىلىشىدۇ، كىشىلەرگە ئارىلاشقان كىشى ئىككى يۈزلىمىلىك، ئاداۋەت، ھەسەت ۋە غەيۋەت قىلىشلاردىن. ساقلىنالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مالنى كۆپەيتىشكە ھاجىتى بولغانلىقتىن بولىدۇ

مالنىڭ ئىنساننى— ئۈچىنچى: ھېچقانداق كىشى ساقلىنالمايدىغان ئاپەت ئاللاھنىڭ زىكرىدىن مەشغۇل قىلىشىدۇر. بۇ بولسا ساقايتىش قىيىن بولغان بىر كېسەلدۇر. چۈنكى، ئىبادەتلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە كاتتىلىقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشتۇر. زىكىر. قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش پارىغ بىر قەلبنى تەلەپ قىلىدۇ

ئېتىزلىقى بار كىشى دېھقانلارغا ئاداۋەت تۇتۇش، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ۋە كۈندۈز دەرگۇمان بولىدۇ، قوشنىلىرى- ئۇلارنىڭ خىيانەت قىلىشىدىن كېچە بىلەن چېگرا ۋە سۇ تالىشىش بىلەن بەند بولىدۇ. سۇلتاننىڭ ياردەمچىلىرى بولسا يەر بېجى، زېمىننى گۈللەندۈرۈشتە كەمچىلىك ئۆتكۈزگەنلەرگە تەدبىر قوللىنىش. ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدۇ

كۈندۈز شېرىكىنىڭ خىيانىتى، خىزمىتىدىكى- تىجارەت قىلغان كىشى كېچە .بىخەستەلىكى ۋە شېرىكنىڭ مالنى زايە قىلىۋېتىشى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدۇ

باشقا مال تۈرلىرىمۇ مۇشۇنداق بولۇپ، ھەتتا مال توپلاپ يىغقان كىشى مالنى قانداق ساقلاش ۋە مالنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن قورقۇپ (ئالدىنى ئېلىش) ھەققىدە .تەپەككۇر قىلىدۇ

بىر كىشىنىڭ كۈنلۈكىگە كۈنلۈك يەتكۈدەك ئوزۇقى بولسا، بۇ ئاپەتلەرنىڭ. ھەممىسدىن سالامەت قالىدۇ

قايغۇ ۋە- بۇلار مال ئىگىلىرىنىڭ دۇنيادا تارتىدىغان ئەندىشە، غەم چارچاشلاردىن باشقا ئاپەتلىرىدۇر. شۇنداق بولغان ئىكەن، مالنىڭ زەھىرىنى قايتۇرغۇچى ئۈنۈملۈك دورا بولسا ھاجەت مىقدارىدا ئوزۇق ئېلىش، ئارتۇقىنى .ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىشتۇر. بۇنىڭدىن ئارتۇقى زەھەر ۋە ئاپەتتۇر

ھېرىسمەنلىك ۋە تەمەخورلۇقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى، قانائەت قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ قوللىرىدىكى نەرسىلەردىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشنىڭ ماختىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

شۇنى بىلگىنكى، نامراتلىق ماختلاغۇچىدۇر. لېكىن، نامرات كىشى ئىنسانلاردىن تەمەسى ئۈزۈلگەن، ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى نەرسىلەرگە قارىمايدىغان ۋە قانداق يول بىلەن بولسۇن مالنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھېرىسمەن بولمايدىغان قانائەتچان كېچەك- ئىچمەك ۋە كىيىم- بولۇشى كېرەك. بۇ پەقەت زۆرۈر بولغان يېمەك. بىلەن قانائەت قىلىش ئارقىلىق مۇمكىندۇر

«سەھىھۇ مۇسلىم»دا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما :رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن «ئىمان ئېيتقان، يەتكۈدەك رىزىق بېرىلگەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەنلىرىگە .»قانائەت قىلغان كىشى مۇرادىغا يەتكەن كىشىدۇر

داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام دەيدۇ: «بىز تۇرمۇشنىڭ قۇرۇقى بولسۇن، ھەممىسىنى ياشاپ باقتۇق، ئاندىن- باياشىتى بولسۇن، قاتتىق.»ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق

بىر ھەدىستە، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: ، رەسۇلۇللاھ . دېگەن»«قانائەت قىلىش تۈگىمەس بايلىقتۇر، ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت بار بولۇپ ئۇلار بىلەن كىشىنىڭ ئەقلى مۇكەممەل بولىدۇ: ئۇلار ئۆزىنى تونۇش، تىلىنى .»ساقلاش ۋە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە بەرگەن رىزىققا قانائەت قىلىشتۇر

بەزى ھەكىملەر مۇنداق بىر جۈملىنى ئوقۇغان: «قانائەتكارلىقنى يېپىنچا.»قىلساڭ، ئەزىز بولىسەن

ھېرىسمەنلىككە كەلسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋسەللەم، ھېرىسمەنلىكتىن توسۇپ: «ئى خالايىق! رىزىقنى چىرايلىقچە تەلەپ قىلىڭلار. چۈنكى بەندە پېشانىسىگە پۈتۈلگەنگىلا ئېرىشىدۇ» دېگەن

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە تەمەخورلۇقتىن توسۇپ: «كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى نەرسىلەردىن ئۈمىدسىز بولۇشقا بەل باغلىغىن» دېگەن.

بەزىلەر: «ئەگەر تەمەخورلۇققا: ‹ئاتاڭ كىم؟› دېيىلسە، تەمەخورلۇق ‹تەقدىر قىلىنغانغا شەك قىلىش› دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئەگەر ئۇنىڭغا: ‹نېمىگە ئېرىشىسەن؟› دېيىلسە، ‹خارلىققا› دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئۇنىڭغا: ‹مەقسىتىڭ. نېمە؟› دېيىلسە، ‹مەھرۇم قېلىش› دەپ جاۋاب بېرەتتى» دېگەن

دېيىلدىكى: «تەمەخورلۇق ئەمىرنىمۇ خار قىلۇر، بىراۋنىڭ قولىدىكى نەرسىدىن.»ئۈمىدۋار بولماسلىق نامراتنىمۇ ئەزىز قىلۇر

ھېرىسمەنلىك ۋە تەمەخورلۇقنىڭ شىپاسى ھەمدە قانائەتچانلىق سۈپىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان دورا توغرىسىدا

شۇنى بىلگىنكى، بۇ دورا سەبر قىلىش، ئىلىم ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت ئۈچ :ئاساستىن بىرىككەندۇر. بۇلارنىڭ يىغىندىسى بەش تۈرلۈكتۇر

بىرىنچى: تىرىكچىلىك ۋە نەپىقە قىلىشتا ئوتتۇراھال بولۇش. قانائەتچان بولاي دېگۈچى ئىمكان بار ئۆزىدىن قانائەتچانلىقنى يوقىتىدىغان ئامىللاردىن قېچىشى ۋە نەپسىنى بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر نەرسىلەرگىلا يۈزلەندۈرۈشى كېرەك. ھەرقانداق تاماق، ئازغىنە تېتىتقۇ ۋە بىر قۇر ئۈستباشقا قانائەت قىلىشى ۋە ئۆزىنى بۇنىڭغا بىردىن بۇ- ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئەگەر بالىچاقىلىرى بولسا ئۇلارنىمۇ بىر. مىقدارغا كۆندۈرۈشى كېرەك

ئاللاھنىڭ رەسۇلى: «تېجەشلىك بولغان كىشى موھتاج بولۇپ قالمايدۇ» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرمۇشنىڭ يېرىمىدۇر» دېگەن.

باشقا بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ تۈرلۈك ئىش ئازابتىن قۇتقۇزغۇچىدۇر: ئاشكارا ۋە مەخپىي ھالەتتە ئاللاھتىن قورقۇش، يوقسۇللۇقتا ھەم باياشاتلىقتا تېجەشلىك بولۇش، رازى ياكى نارازى

:). ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي4171( )؛ ئىبنى ماجە23488( ئەھمەد

.) ‹سەھىھ› دېگەن74 ،»(«سەھىھۇلجامىئ

.»بولغان ھەرقانداق چاغدا ئادىل بولۇش قاتارلىقلار

ئىككىنچى: كىشىدە يەتكۈدەك مىقداردا نەق نەرسە بولسا، كېلەچەك ئۈچۈن ئىستەكنى چاغلىق قىلىش ۋە رىزقىنىڭ چوقۇم- بىئارام بولماسلىقى كېرەك. ئارزۇ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش بۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. كىشى شەيتاننىڭ ئىنساننى .نامراتلىقتىن قورقۇتىدىغانلىقىنى بىلسۇن

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جىبرىل ئەلەيھىسسالام يۈرىكىمگە بىر جان ئىگىسى رىزقىنى ۋە ياشاش مۇددىتىنى تولۇقلىماي تۇرۇپ ئۆلمەيدىغانلىقىنى سۈفلىدى. شۇڭا، ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار! ۋە رىزىقنى چىرايلىقچە تەلەپ قىلىڭلار! رىزىقنىڭ كېچىكىشى سىلەرنى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە قارشى مەئسىيەتلەرنى قىلىش بىلەن رىزىق تەلەپ قىلىشقا ئېلىپ بارمىسۇن، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى نېئمەتكە پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش.»بىلەنلا ئېرىشىلىدۇ

رىزىق كېلىشىنى كۈتۈۋاتقان بىر ئىشىك ئېتىلسە، قەلبى بىئارام بولماسلىقى .كېرەك

چۈنكى، ھەدىستە: «ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇئمىن بەندىسىگە ئويلىمىغان. يەردىن رىزىق بېرىشنى خاھلايدۇ» دېيىلگەن

ئاللاھ تائالا: «كىمكى ئاللاھتىن قورقسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ» «65تالاق-2-3» دېگەن. ئۈچىنچى: قانائەتچان بولغاندا باشقىلاردىن بىھاجەت بولۇپ ئەزىز بولىدىغانلىقىنى، تەمەخورلۇق ۋە ھېرىسمەنلىكتە باشقىلار ئالدىدا خار بولىدىغانلىقىنى بىلىش. قانائەتچان كىشىگە ئاخىرەتتە ساۋاب ھاسىل بولۇش بىلەن بىرگە ئۇ شۈبھىلەردىن ۋە ئارتۇقچە نەرسىلەردىن خالىي بولىدۇ. كىمكى ،نەپسىنىڭ ئەزىزلىكىنى شەھۋىتىدىن ئارتۇق بىلمىسە، ئۇنداق كىشى ئەقلى ئاجىز. ئىمانى كەمچىل كىشىدۇر، تۆتىنچى: كىشى يەھۇدىي، ناسارالارنىڭ ۋە كىشىلەر ئىچىدىكى پەس ئەخمەقلەرنىڭ باياشات ياشىغانلىقى ھەققىدە كۆپ تەپەككۇر قىلىشى، ئاندىن پەيغەمبەرلەر، ئەۋلىيالار، سالىھلارنىڭ ئەھۋالل قارىشى، ئۇلار ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىشى ۋە ئەھۋالل بىلىشى، ئۆزىگە بېرىلگەن ئاز رىزىققا سەبر ۋە قانائەت قىلىش ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاش ياكى ئالەملەر ئىچىدىكى ئەڭ پەس كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاش ئارىسىدا ئەقلىنى ئۆز ئەركىگە قويۇشى كېرەك ئىچىش بىلەن باياشات- (يەنى تاللاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك). ئەگەر ئۇ يەپ ياشىماقچى بولسا، ھايۋان ئۇنىڭدىن كۆپ يەيدۇ. ئەگەر جىنسى مۇناسىۋەت. قىلىش ئارقىلىق ھۇزۇرلانماقچى بولسا، خوراز ئۇنىڭدىن كۆپ جۈپلىشىدۇ

بەشىنچى: بىز مالنىڭ ئاپەتلىرىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، مال يىغىشتىكى خەتەرلەرنى چۈشىنش ۋە نامراتلىقنىڭ ساۋابىغا قاراش كېرەك. بۇ داۋاملىق دۇنيالىقتا ئۆزىدىن تۆۋەن، دىنىي جەھەتتە ئۆزىدىن يۇقىرى كىشىلەرگە قاراش، بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ. شۇنىڭدەك مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدىكى بىر ھەدىستە ) مال ۋە يارىتىلىش جەھەتتە- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(پۇل، ئۆزۈڭلاردىن تۆۋەن كىشىلەرگە قاراڭلار، سىلەردىن يۇقىرى كىشىلەرگە قارىماڭلار »شۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمىتىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكىڭلارغا پايدىلىق. دېگەن

ھەۋەسنى چاغلىق قىلىش ۋە- ئىشنىڭ ئاساسى بولسا: سەبر قىلىش ۋە ئارزۇ ئۆزىنىڭ دائىملىق نېئمەتكە ئېرىشىش ئالدىدا دۇنيادا ئازغىنە كۈنلەر سەبر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشتۇر. (بۇ ھالەتتە) ئۇ كىشى كېسىلىدىن شىپا تېپىشنى ئۈمىد. قىلىپ، دورىنىڭ ئاچچىقلىقىغا سەبر قىلىدىغان بىمارغا ئوخشاش بولىدۇ

سېخىيلىقنىڭ پەزىلىتى

تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مېلى يوق كىشىنىڭ قانائەتچان بولۇشى، مېلى

بار كىشىنىڭ بولسا سېخىيلىق قىلىشى، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئارتۇق بىلىشى .ۋە ياخشىلىق قىلىشى لازىمدۇر

چۈنكى، سېخىيلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقىدۇر. ئۇ ھەم نىجاتلىق، ئاساسلىرىدىن بىر ئاساستۇر. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتىشىچە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئىسلام بولسا ئۆزۈمگە رازى بولۇپ تاللىغان دىندۇر. ئىسلام دىنىنى سېخىيلىق ۋە گۈزەل ئەخلاق ئىسلاھ قىلىدۇ. شۇڭا، ئىسلام دىنىغا ھەمراھ بولىدىكەنسىلەر، ئۇنى سېخىيلىق ۋە گۈزەل . يەنە بىر ھەدىستە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ»›!ئەخلاق بىلەن ئىكرام قىلىڭلار :ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ،«سېخىي كىشىنىڭ گۇناھلىرىدىن يۈز ئۆرۈڭلار. چۈنكى، ئۇ پۇتلىشىپ كەتسىلا. ئاللاھ ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇۋالغۇچىدۇر» دېگەن

، «ئاللاھنىڭ دوستى»بەزى ھەدىسلەردە: «جەننەت سېخىيلەرنىڭ يۇرتىدۇر. سېخىيلىق ئۈزرە يارىتىلىدۇ» دېيىلگەن

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمنىڭ ياخشىلىرى ئىبادەت ۋە روزا تۇتۇش بىلەنلا جەننەتكە كىرمىگەندۇر. بەلكى نەپسىنىڭ سېخىيلىقى، ئاداۋەت.»تۇتماسلىقى ۋە مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇشى سەۋەبلىك جەننەتكە كىرگەندۇر

يەنە بىر ھەدىستە: «دائىما ياخشىلىق قىلىڭلار، چۈنكى، ئۇ يامان ئۆلۈملەردىن ساقلاپ قالىدۇ» دېيىلگەن.

،ئىبنى سەمماك رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «مېلى بىلەن قۇللارنى سېتىۋالىدىغان »!ياخشىلىقى بىلەن ھۆرلەرنى سېتىۋالمايدىغان كىشىگە ئەجەبلىنىمەن؟

سېخىيلارنىڭ بەزى قىسسەلىرى

سەھىھ ھەدىسلەردە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ؛ ‹پەيغەمبەرسەللەللاھۇ›ياخشىلىق قىلىشتا مەيىن شامالدىنمۇ بەك سېخىي ئىدى ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرنەرسە سورالسا، ئۇنىڭغا: ‹ياق› دەپ باقمىغان.»ئىدى

بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تەلەپ قىلغانىدى، ئۇ زات ئۇنىڭغا بىر جىلغا توشقۇدەك قوينى بېرىۋەتتى. ئاندىن ئۇ كىشى قەۋمىگە كېلىپ: «ئى قەۋمىم! مۇسۇلمان بولۇڭلار! ھەقىقەتەن مۇھەممەد نامراتلىقتىن. قورقمايدىغان كىشىنىڭ بەرگىنىدەك بېرىدىكەن» دېدى

رىۋايەتتە دېيىلىدۇكى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەلھە رەزىيەللاھۇ مىڭ تەڭگە ئېلىشى بار ئىدى. ئوسمان مەسجىدكە چىقتى. تەلھە50 ئەنھۇدا :ئۇنىڭغا

— مېلىڭ تەييار بولدى، ئۇنى ئېلىۋالغىن! — دېگەنىدى، ئوسمان ئۇنىڭغا:

— ئى ئەبۇ مۇھەممەد! ئۇ مال سېنىڭ بولسۇن، سېنىڭ ئادەمگەرچىلىكىڭگە ياردەم قىلغىنىم بولسۇن — دېدى.

بىر ئەئرابىي ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن بىرنەرسە تىلىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ تەلھە: «بۇ تۇغقانچلىق بىلەن سەندىن ئىلگىرى مىڭ300 ھېچكىم مەندىن بىرنەرسە تىلەپ باقمىغان ئىدى» دېدى ۋە ئۇنىڭغا. تەڭگە بەردى

ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتۇر: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كۆينىكىنى مىڭ تەڭگىنى نامراتلارغا تارقىتىۋەتكەنلىكىنى70 ،ياماپ كىيىدىغان تۇرۇقلۇق.»كۆرگەن ئىدىم

مىڭ تەڭگىنى800 رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر كۈندە كىشىلەر ئارىسىدا تارقىتىۋەتتى. كەچ بولغاندا، خىزمەتچى قىزغا: «ماڭا ئىپتارلىقىمنى ئېلىپ كېلىڭ» دېگەنىدى، ئۇ قىز نان بىلەن زەيتۇن يېغى ئېلىپ :كەلدى. ئاندىن ئۇممۇ دۇررە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا

سىز بۈگۈن تەقسىم قىلغان پۇللاردىن بىر تەڭگىگە بىز ئىپتار قىلغۇدەك— : دېگەنىدى، ئائىشە ئۇنىڭغا— گۆش سېتىۋالالمىدىڭىزمۇ؟

دېدى — ئەگەر ئېسىمگە سالغان بولسىڭىز سېتىۋالاتتىم—

مىڭ90 ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر خالىد ئىبنى ئۇقبەدىن بازاردىكى قورۇسىنى تەڭگەگە سېتىۋالدى، كەچ بولغاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر خالىدنىڭ ئۆي :ئەھلىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئەھلىگە

— بۇلار نېمىگە يىغلاۋاتىدۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

دېدى. شۇنىڭ بىلەن— قورۇسىنىڭ سېتىۋېتىلگىنىگە يىغالۋاتىدۇ— ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر: «ھەي خىزمەتچى بالا! ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغىن! قورۇ ۋە .مۈلكنىڭ ئۇلارنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغىن» دېدى

،*بىر كىشى ئابدۇللاھقا: «تېۋىپ مېنى كالا سۈتى ئىچىشكە بۇيرۇغانىدى .شۇڭا سۈتىنى ئىچىشىم ئۈچۈن بىر كالا ئەۋەتكەن بولسىڭىز!» دەپ ئادەم ئەۋەتتى كالىنى پادىچىلىرى بىلەن ئەۋەتتى ۋە: «بۇ700 شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا. كالىلار يايلايدىغان كەنتمۇ سېنىڭ بولسۇن» دېدى

*ئەلى ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇھەممەد ئىبنى ئۇسامە ئىبنى .زەيدنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ بارغانىدى، مۇھەممەد ئىبنى زەيد يىغلاشقا باشلىدى :ئەلى ئىبنى ھۇسەين ئۇنىڭغا

— نېمە بولدى؟ — دېگەنىدى، ئۇ:

دېدى — مەن باشقىلارغا قەرزدار ئىدىم—

قانچىلىك؟—

. مىڭ تىللا ياكى ئون نەچچە مىڭ تىلال15 —

. ئۇنى مەن تۆلەيمەن—

!بىر كىشى مەئىننىڭ يېنىغا كېلىپ بىرنەرسە تىلىگەنىدى، مەئىن: «ئى غۇلام

مېنىڭ پالانى چىشى تۆگەم ۋە مىڭ تىللانى ئېلىپ كەل!» دېدى ۋە تىلىگۈچىگە .ئۇلارنى بەردى. ھالبۇكى، مەئىن ئۇ كىشىنى تونۇمايتتى

بىزگە مەئىن ھەققىدە يەنە مۇنداق بىر رىۋايەت يەتتى: «بىر شائىر بىر مەزگىل مەئىن بىلەن ئۇچرىشىشنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا :مۇيەسسەر بولالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شائىر مەئىننىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بىرىگە ‹ئەمىر باغقا كىرگەندە، ماڭا بىلدۈرۈپ قويغىن› دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئەمىر باغقا كىرگەندە، خىزمەتچى ئۇنىڭغا مەئىننىڭ باغقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇپتۇ. ئاندىن شائىر: بىر ياغاچ ئۈستىگە بىر بېيىت يېزىپ، ئۇنى باغقا كىرىدىغان سۇغا تاشلىۋېتىپتۇ. مەئىن ياغاچنى كۆرۈپ، ئۇنى قولىغا ئاپتۇ ۋە :ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغانلىقىنى ئوقۇپتۇ

!مەئىنگە ھاجىتىمنى ئېيتقايسىز، ئى مەئىننىڭ سېخىيلىقى مەئىنگە ھال ئېيتىشتا سىزدىن باشقا شاپائەتچىم يوق.

مەئىن: ‹بۇ بېيىتنىڭ ساھىبى كىم؟› دەپتۇ ۋە شائىرنى چاقىرتىپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: ‹قانداق دېگەنىدىڭ؟› دېگەنىكەن، ئۇ شائىر مەئىنگە بېيىتنى ئوقۇپ ھەمياننى10 مىڭ تەڭگىدىن سېلىنغان10 بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەئىن ئۇنىڭغا بېرىپتۇ. شائىر ئۇنى ئاپتۇ. ئەمىر بولسا ياغاچنى ئۆزىنىڭ بىساتىنىڭ ئاستىغا، قويۇپ قويۇپتۇ. ئىككىنچى كۈنى مەئىن ياغاچنى بىساتنىڭ ئاستىدىن چىقىرىپ مىڭ تەڭگە100 ئۇنىڭدىكى بېيىتنى ئوقۇپتۇ ۋە شائىرنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا يەنە بېرىپتۇ. شائىر بۇ پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، مەئىننىڭ قايتا ئادەم ئەۋەتىپ پۇلنى قايتۇرۋېلىشىدىن قورقۇپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى مەئىن بېيىتنى قايتا ئوقۇپتۇ ۋە شائىرنى چاقىرىتىپتۇ، لېكىن شائىر تېپىلماپتۇ. ئاندىن تىللا قالمىغۇچە مال بەرسەممۇ- مەئىن: ‹مەن ئۇنىڭغا خەزىنەمدە تەڭگە .»ھەقلىقتۇر› دەپتۇ

*قەيس ئىبنى سەئد ئىبنى ئۇبادە كېسەل بولۇپ قالىدۇ، لېكىن دوستلىرى ئۇنى يوقلاشتا ھايلا قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئۇلار سىزگە قەرزى :بولغانلىقى ئۈچۈن، سىزنى يوقلاشتىن ھايا قىلىدىكەن» دەيدۇلەر. ئۇ «دوستلارنىڭ زىيارەت قىلىشىدىن توسۇپ قويىدىغان مالنى ئاللاھ خار قىلىۋەتسۇن» دەيدۇ ۋە بىر جاكارچى ئەۋەتىپ: «قەيسكە قەرزى بار كىشىلەردىن قەيس رازى، قەرزىنى ئالمايدۇ» دەيدۇ. ئاندىن قەيسنى يوقلاپ كەلگەن. كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن كەچ بولغۇچە ئۇنىڭ قىزىتمىسىمۇ چۈشىدۇ

.*بىر ئادەم سەئىد ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ سورايدۇ

مىڭ تەڭگە بۇيرۇپ بېرىدۇ. ئۇ ئادەم يىغلاپ كېتىدۇ. سەئىد100 سەئىد ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن: «نېمىگە يىغلىدىڭ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ساڭا ئوخشاش كىشىنى زېمىننىڭ يەيدىغانلىقىغا يىغلايمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەئىد ئۇنىڭغا يەنە . مىڭ تەڭگە بۇيرۇپ بېرىدۇ100

بېخىللىق ۋە ئۇنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بېخىللىق ۋە بەدئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى خىسلەت مۇئمىندە .جەم بولمايدۇ» دېگەن

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «بىر بەندىنىڭ.»قەلبىدە بېخىللىق ۋە ئىمان مەڭگۈ جەم بولمايدۇ

ئىمام مۇسلىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دۇئا قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان: «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ قورقۇنچاقلىق ۋە .»بېخىللىقتىن پاناھ تىلەيمەن

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى :ۋەسەللەم سەلەمە جەمەتىگە

— سىلەرنىڭ خوجاڭلار كىم؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— خوجىمىز جەددۇ ئىبنى قەيس، بىز ئۇنى بېخىل دەيمىز — دېدى. ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

بېخىللىقتىنمۇ يامان ئىللەت بارمۇ؟! خوجاڭلار بىشر ئىبنى بەرائ ئىبنى— . بۇ ‹ئەمر ئىبنى جەمۇھ› دېگەن رىۋايەتتىن دېدى– ،مەئرۇر بولسۇن سەھىھراقتۇر. بەزى راۋىيلەر ‹بەرائ ئىبنى مەئرۇر› دەپ خاتالاشقان. بەرائ. ھىجرەتتىن بۇرۇن ۋاپات بولغاندۇر

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ھالاكەتكە تاشلىغۇچى ئۈچ تۈرلۈك قىلمىش بار. بۇلار: ئىتائەت قىلىنىدىغان بېخىللىق، ئەگەشكۈچى نەپسى خاھىش ۋە كىشىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى تەمەننا قويۇشىدۇر» دېگەن.

خەتتابىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «الشح» (شۇھھ) يەنى قاتتىق بېخىللىق پىخسىقلىقتىن بەكرەك چەكلىنىدۇ.

سالمان ئەلفارىسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «سېخىي كىشى ئۆلۈپ كەتسە، زېمىن ۋە مۇئەككەل پەرىشتىلەر: ‹پەرۋەردىگارىم! سېخىي بەندەڭگە جەننەتنى بەرگىن!› دەپ ئاللاھقا تەلەپ قويىدۇ. ئەگەر بېخىل كىشى ئۆلۈپ كەتسە: ‹پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلغىن!› دەپ تەلەپ قويىدۇ».

ھەكىملەردىن بىرى: «كىمكى بېخىل بولسا، ئۇنىڭ مېلىنى دۈشمىنى مىراس ئالىدۇ» دېگەن، بىر ئەئرابىي بىر ئادەم ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇنىڭ ئېشى ئۆلۈك، كۈلكىسى زىيان، ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھ بولۇش مۇسىبەتتۇر» دېگەن.

بېخىللارنىڭ بەزى قىسسەلىرى

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ھاجىب ئەرەب كاتتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بېخىل ئىدى. كېچىدە ئوتمۇ ،ياقمايتتى، سەۋەبى كۆزى كۆرىدىغان بىرەر ئادەمنىڭ ئوتنى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنىڭ يورۇقىدىن پايدىلىنىۋېلىشىنى خاھلىمايتتى، كېچىدە ئوت يېقىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ ئوت ياققان بولسا، يورۇقلۇق تەلەپ قىلغان بىرەر ئادەمنى كۆرگەن.»زامات دەرھال ئوتنى ئۆچۈرۈۋېتەتتى

دەرلەركى: «مەرۋان ئىبنى ئەبى ھەفسە ئەڭ بېخىل كىشىلەردىن ئىدى، ئۇ :خەلىفە مەھدىينىڭ يېنىغا بارماقچى بولۇپ ئۆيىدىن چىقتى. ئايالى ئۇنىڭغا

— ئەگەر قايتىپ كەلسەڭ، ماڭا نېمە ھەدىيە قىلىسەن؟— مىڭ تەڭگە بېرىلىپ قالسا، ساڭا بىر تەڭگە بېرىمەن100 ئەگەر ماڭا — دېگەنىدى، ئۇ: 4 مىڭ تەڭگە بېرىلگەن ئىدى، ئايالىغا60 دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا— .)دانىق بەردى». (بىر دانىق بىر تەڭگىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە تەڭ

مېلى كۆپ، باي ئەمما بېخىل بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ھەممە نەرسىگە بەك تەپسىلىي زەن سالاتتى. ئۇ ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەردىن سېتىۋالدى ۋە ھامملانى :چاقىرىپ

— بۇ نەرسىلەرنى نەچچە پۇلغا توشۇپ بېرىسەن؟ — دېگەنىدى، ھاممال: — بىر ھەببەگە — دېدى. ئۇ: — ئەرزانراق توشۇپ بەرگىن — دېگەنىدى، ھاممال: — بىر ھەببە دېگەن بەكلا ئاز پۇل! نېمە دېيىشنى بىلەلمىدىم — دېدى. ئۇ:

— بىر ھەببەگە بىر تال سەۋزە سېتىۋېلىپ تەڭ ئولتۇرۇپ يەيلى، شۇنىڭغا كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بەرگىن — دېدى.

باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ بايانى شۇنى بىلگىنكى، سېخىيلىق ۋە بېخىللىقنىڭ بىرنەچچە دەرىجىلىرى باردۇر سېخىيلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجسى ئۆزى موھتاج تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىشتۇر. باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىش دېگىنىمىز: ئۆزى موھتاج تۇرۇپ باشقىلارغا مال بېرىشتۇر. بېخىللىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ): «دان ۋە دانە» دېگەن مەنىدىكى قەدىمدە قوللىنىلغان ئېغىرلىق ئۆلچىمىَُحْل�َ�ب ُّة ا( ھەببە.

ياكى72 بولۇپ، كېپەك ئالتۇن ياكى كۈمۈشنىڭ ئەڭ ئۇششاق بۆلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئېغىرلىقى . ت— . گىرام)غا تەڭ4.25( تىلال1 ھەببە100

ئۆزى موھتاج تۇرۇپ، ئۆزىگە مال سەرپ قىلىشتىنمۇ بېخىللىق قىلىشتۇر. كۆپلىگەن بېخىللار باركى، ئۇلار مالنى يېنىدا ساقلايدۇ، لېكىن كېسەل بولۇپ قالسا داۋالانمايدۇ. كۆڭلى بىرنەرسىنى تارتىدۇ، لېكىن بېخىللىقى كۆڭلى تارتقان نەرسىنى يېيىشتىن چەكلەيدۇ. موھتاج تۇرۇپ ئۆزىنىڭ نەپسىگە بېخىللىق قىلىدىغان كىشى بىلەن، ئۆزى موھتاج تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا ھە! ئەخلاقلار ئاللاھنىڭ- بىلىدىغان كىشى ئارىسىدا نېمىدېگەن زور پەرق بار. سوۋغىسى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئۆزى خاھلىغان بەندىلەرگە بېرىدۇ

ئۆزى موھتاج تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىشتىنمۇ ئۈستۈن. سېخىيلىق دەرىجىسى بولمايدۇ

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنىڭ ئۆزلىرى موھتاج تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلگەنلىكىنى ماختىغان: «ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر» «59ھەشر-9».

بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ساھابە ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مېھمىنىغا ئۆزى ۋە كىچىك بالىلىرىنىڭ. ئوزۇقىنى بېرىپ، ئۇ مېھماننىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلگەن مەشھۇر قىسسەدۇر

يەرمۇك ئۇرۇشىدا ئىكرىمە ئىبنى ئەبى جەھل، سۇھەيل ئىبنى ئەمر، ھارىس ئىبنى ھىشام ۋە مۇغىرە جەمەتىدىن بىر قىسىم كىشىلەر شەھىد قىلىندى. ئۇلار بىرىگە ئۆتۈنۈشۈپ، ھەتتا- يىقىلىپ چۈشكەندە سۇ كەلتۈرۈلگەنىدى، سۇنى بىر ھېچقايسىسى سۇ ئىچمەي ئۆلۈپ كەتتى. باشتا ئىكرىمەگە سۇ كەلتۈرۈلدى، ئۇ سۇھەيل ئىبنى ئەمرگە قارىدى ۋە: «سۇنى ئاۋۋال ئۇ ئىچسۇن!» دېدى. سۇھەيل ئىبنى ئەمر بولسا ھارىسقا قاراپ: «سۇنى ئاۋۋال ئۇنىڭغا بەر!» دېدى. ھەممىسى سۇنى يەنە بىر قېرىندىشىغا ئۆتۈنۈپ، ئاخىرىدا ھېچقايسىسى سۇ ئىچەلمەي ئۆلۈپ :كەتتى. ئۇلارنىڭ يېنىدىن خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ .«سىلەرگە جېنىم پىدا بولسۇن!» دېدى

  • ساھابەلەردىن بىر كىشىگە بىر قوي كلالىسى ھەدىيە قىلىنغانىدى، ئۇ كۆڭلىدە: «بۇنىڭغا مېنىڭ قېرىندىشىم بەكرەك ئېھتىياجلىق» دەپ ئۇنى باشقا

بىر كىشىگە ئەۋەتتى. ئۇ كىشى ئۇنى يەنە بىر كىشىگە ئەۋەتتى. ھەتتا ئۇ قوي. كلالىسى يەتتە ئائىلىدىن ئۆتۈپ بىرىنچى كىشىگە قايتىپ كەلدى

  • ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر ئېتىزلىقىغا چىقتى ۋە بىر قەۋمنىڭ بىر خورمىزارلىقىغا چۈشتى، ئۇ خورمىزارلىقتا بىر قارا تەنلىك بالا ئىشلەۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا بالا ئۆزىنىڭ يېمىكىنى ئېلىپ كەلدى، ئاندىن باغقا بىر ئىت كىردى ۋە بالىغا يېقىن كەلدى. بالا ئۇنىڭغا بىر گىردە تاشلاپ بەردى، ئىت ئۇنى يەپ بولدى، بالا ئۇنىڭغا يەنە بىر گىردە تاشلاپ بەردى، ئىت ئۇنىمۇ يەپ بولدى، ئاندىن بالا ئۇنىڭغا ئۈچىنچى گىردىنىمۇ ئېتىپ بەردى، ئىت ئۇنىمۇ يەپ بولدى. بۇنىڭغا :شاھىد بولغان ئابدۇللاھ بالىغا

— ھەي بالا! سېنىڭ ھەر كۈنلۈك يېمىكىڭ قانچلىك؟ — دېگەنىدى، بالا:

دېدى — سەن بايا كۆرگەنچىلىك—

ئۆزۈڭ موھتاج تۇرۇپ نېمىشقا ئىتنى ئەلا بىلدىڭ؟—

— بۇ ئەتراپتا ئىت يوق. دېمەك، بۇ ئىت يىراق مۇساپىدىن ئاچ قورساق ھالدا كەلدى، شۇڭا ئۇنى قايتۇرۇۋېتىشتىن ھايا قىلدىم — دېدى.

ئەمدى سەن قانداق قىلىسەن؟—

دېدى. ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر— بۈگۈن ئاچ قورساق ئۆتىمەن— كۆڭلىدە: ‹سېخىيلىق قىلغىنىمغا مالامەتكە ئۇچرايتتىم، بۇ بالا مەندىنمۇ سېخىيراق، ئىكەن› دېدى ۋە باغنى، باغدىكى ئەسۋابلارنى ۋە ئۇ قۇل بالىنى سېتىۋالدى .ھەمدە ئۇنى ئازاد قىلىپ، باغنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلدى

  • كەمبەغەللەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر بىر يەرگە توپلاندى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا، ھەممسىگە يەتمەيدىغان ئازراقلا نان بار ئىدى. ئاندىن ئۇلار نانلارنى پارچىلىدى ،چىراغنى ئۆچۈردى ۋە ناننى يېيىشكە ئولتۇرۇشتى، لېكىن دەستۇرخان يىغىلغاندا »نانلار شۇ پېتىلا ئىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «ناننى ھەمراھلىرىم يېسۇن. دەپ ھېچبىرى ئۇنىڭدىن يېمىگەن ئىدى

چېگراسى ۋە ھەقىقىتى- پەسل: سېخىيلىق ۋە بېخىللىقنىڭ چەك

چىگراسى ھەققىدە سۆزلىدى. بىر- كىشىلەر سېخىيلىق ۋە بېخىللىقنىڭ چەك چېگراسى: «بېرىش ۋاجىب بولغان ھەقنى- قىسىم كىشىلەر بېخىللىقنىڭ چەك بەرگىلى ئۇنىماسلىق» دەپ قارىدى ۋە «بېرىش ۋاجىب بولغان ھەقنى ئادا. قىلغان كىشى بېخىل ھېسابلانمايدۇ» دېدى. بۇ چۈشەندۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس

چۈنكى، بىر كىشى بالىچاقىلىرىغا ھاكىم (نەپىقە) بەلگىلەپ بەرگەن مىقداردا يېمەكلىك بەرسە، لېكىن ئارتۇقراق يېمەكلىك ياكى بىرنەچچە خورما بېرىشتىن. قىسىنسا، ئۇنداق كىشىمۇ بېخىللار قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ

بۇنىڭدا توغرا بولغان قاراش: شەرىئەتتە بېرىش ۋاجىب بولغان نەرسىنى بېرىش ۋە ئادەمگەرچىلىك يۈزىدىن بېرىش لازىم بولىدىغان نەرسىنى قەلبى رازى .بولۇپ بېرىش ئارقىلىق بېخىللىقتىن پاك بولغىلى بولىدۇ

شەرىئەتتە بېرىش ۋاجىب بولىدىغان نەرسىگە كەلسەك: زاكات ۋە بالىچاقىلارغا. بېرىلىدىغان نەپىقىدۇر

ئادەمگەرچىلىك يۈزىدىن بېرىلىدىغان نەرسىگە كەلسەك: قىسىنىش ۋە كىچىك نەرسىلەرنىڭ تەپسىلاتىغا پىسەنت قىلماسلىقتۇر. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش قەبىھ شارائىت ۋە شەخسلەرگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. بەزىدە- ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھالەت ھال. نامراتنىڭ قىلىشى يامان سانالمايدىغان ئىشنى باينىڭ قىلىشى يامان سانىلىدۇ كىشىنىڭ ياتلارغا قارىغاندا ئۆز ئەھلىدىن، يېقىنلىرىدىن ۋە قوشنىلىرىدىن ئايىشى يامان سانىلىدۇ. دېمەك، بېخىل كىشى شەرىئەت ھۆكمى ياكى ئادەمگەرچىلىك. يۈزىدىن نامۇۋاپىق ئىشنى قىلغان كىشىدۇر، بىر كىشى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھەقنى ۋە ئادەمگەرچىلىك ھەققىنى بەرسە بېخىللىقتىن پاك بولغان بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ بەرمىگەن كىشى .سېخىيلىق سۈپىتى بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ

بەزىلەر: «سېخىي كىشى مىننەت قىلماي بېرىدىغان كىشىدۇر» دېگەن ۋە يەنە .بەزىلەر: «بېرىشتىن خۇشاللىق تاپىدىغان كىشى سېخىيدۇر» دېگەن

بېخىللىقنىڭ شىپاسىغا كەلسەك، بىلگىنكى، مالنى ياخشى كۆرۈش بېخىللىقنىڭ. سەۋەبىدۇر

مالنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىككى سەۋەبى بولىدۇ:

بىرىنچى: «ئۇزۇن ياشايمەن» دەپ ئويلاش بىلەن بىرگە پەقەت مال بىلەنلا ئېرىشكىلى بولىدىغان شەھۋەتلەرنى ياخشى كۆرۈش. چۈنكى ئىنسان «بىرەر كۈندىن كېيىن ئۆلىمەن» دەپ قارىسا، بېخىللىق قىلماسلىقى مۇمكىن. «يېقىندا ئۆلىمەن» دەپ قارىسىمۇ بالىلىرى بار بولسا، بالىلىرىنى ئۇزۇن ياشايمەن دېگەن. ئۈمىدنىڭ ئورنىدا قويۇپ، بالىلىرىنى ئويلاپ بېخىللىق قىلىدۇ

ئىككىنچى: مالنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش. بەزى كىشىلەر باركى، قولىدا قالغان ئۆمرىگە يەتكۈدەك مال بولىدۇ. ئەگەر نورمالدا ئۇ شۇ مال بىلەن

كۇپايىلەنسىمۇ، ئۇنىڭ نۇرغۇن مېلى ئاشىدۇ. بەزىدە بالىسى يوق قېرى كىشىنىڭ نەپسى چىقىرىش ۋاجىب بولغان مالنى چىقىرىشقا ۋە ئۆزىگە مەنپەئەت بېرىدىغان سەدىقىنى بېرىشكىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ. ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە، مالنى دۈشمەنلىرى ئالىدىغانلىقىنى ياكى كۆمۈپ قويغان مال بولسا، ئۇ مالنىڭ يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇپ يەنە مالنىڭ ھەققىنى بەرمەيدۇ. مالنىڭ ئۆزىنى ياخشى .كۆرۈش كېسەللىكى بولسا داۋالىغىلى بولمايدىغان بىر كېسەلدۇر

بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى بىر شەخسنى ياخشى كۆرسە، ئاندىن ئۇ شەخسنىڭ ئەلچىسى كەلسە، ئەلچىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى مەھبۇبىسى بولغان. شەخسنى ئۇنۇتسا ۋە ئەلچى بىلەن بولۇپ كەتسە، بۇ ئۇچىغا چىققان گۇمراھلىقتۇر چۈنكى، تىللالار ھاجەتلەرنى راۋا قىلىدىغان ئەلچىدۇر. تىللانىڭ ئۆزىنى ياخشى .كۆرسە ۋە ئەسل ھاجەتلەرنى ئۇنۇتسا بۇ ئازغۇنلۇقتۇر

شۇنى بىلگىنكى، ھەرقانداق كېسەللىك ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبكە .قارشى دورا بىلەن داۋالىنىلىدۇ

شەھۋەتپەرەسلىك قانائەتچانلىق ۋە سەبر قىلىش بىلەن؛ «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەنغۇ» دېيىش بولسا ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەش بىلەن داۋالىنىلىدۇ

قەلبنىڭ بالىغا قارىشى بولسا «ئۇنى ياراتقان زات ئۇنىڭ بىلەن بىرگە رىزقىنىمۇ ياراتقاندۇر» دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن داۋالىنىلىدۇ. مىراسقا ئېرىشكەن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا، ھېچنەرسىنى مىراس ئېلىپ باقمىغان كىشىنىڭ ئەھۋالى ياخشىراق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال ناھايىتى كۆپتۇر. شۇڭا، ئىنسان ئۆز دۇنيا قويۇپ كېتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا يامانلىقنى ئېلىپ- بالىسىغا مال بېرىشتىن ئېھتىيات قىلسۇن. ئەگەر بالىسى سالىھ بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ. ئەگەر پاسىق بولسا، بالىسىنىڭ گۇناھ قىلىشىغا ياردىمى بولىدىغان نەرسىلەرنى قويۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. بەلكى قۇلىقىغا بىز بايان قىلىپ ئۆتكەن بېخىللىقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى ۋە سېخىيلىقنىڭ ماختىلىدىغانلىقى . تەكرار قۇيۇشى كېرەك- ھەققىدىكى بايانلارنى تەكرار

بىلگىنكى، دۇنيادا ياخشى كۆرگەن نەرسىلەر قانچە كۆپ بولسا، ئۇنى يوقىتىپ قويۇش سەۋەبلىك مۇسىبەتلەرمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. دېمەك، بىر كىشى مالنىڭ ئاپەتلىرىنى بىلسە، ئۇنىڭ بىلەن ئۈلپەتلەشمەيدۇ. كىمكى دۇنيالىقتىن پەقەت ھاجىتى مىقدارىدا ئالسا ۋە شۇنى ھاجىتى ئۈچۈن ساقلىسا، ئۇنداق كىشى .بېخىل ھېسابلانمايدۇ توغرىسىنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىزاھاتلار:

  • :). ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت6635( ئەھمەد ) «ئىبنى لەھىئە12985 ،»«سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»
  • «ئىسىملىك راۋىينىڭ رىۋايىتىدە سەل زەئىفلىك بار، باشقا راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن
  • 7286 ،4642( بۇخارىي
  • . بەيھەقىي: «بۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ515( ،»بەيھەقىي: «ئەلمەدخەل ئىلەسسۈنەنىل كۇبرا ئەنھۇنىڭ سۆزى بولۇپ، سەھىھتۇر. ئەمما، باشقىلار ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى»
  • «ۋەسەللەمنىڭ سۆزى› دەپ رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سەنەدى زەئىفتۇر» دېگەن
  • . ھەسەن بەسرىيدىن مۇرسەلدۇر354( ،»خارائىتىي: «مەكارىمۇل ئەخلاق
  • 2593( مۇسلىم
  • 2165( )؛ مۇسلىم6024( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي
  • . شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: ‹سەنەدى سەھىھ› دېگەن12720( ئەھمەد
  • تىرمىزىي (2320). سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. ئالبانىي: «سەھىھۇلجامىئ» (5292) دە «سەھىھ» دېگەن.
  • مۇسلىم (2956).
  • . ھەسەن بەسرىيدىن مۇرسەلدۇر507( ،»ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد
  • تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت» (6922)؛ ئۇقەيلىي: «ئەززۇئەفائ» (871). «زەئىف» دېگەن.
  • ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك» (2133). جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ھاكىم، زەھەبىي ۋە ئالبانىيلار: «سەھىھۇلجامىئ» (2742) دە «سەھىھ» دېگەن.
  • . ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ9972( )؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر4269( ئەھمەد .) ‹زەئىف› دېگەن5101 ،5100 ،»رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ»
  • ھەدىسمۇ) مۇشۇ
  • «زەئىف» دېگەن1730 ). ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب10393( ،»«شۇئەبۇلئىمان»
  • . ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما2308( )؛ مۇسلىم6( ،بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي. رىۋايىتى
  • . جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى2311( )؛ مۇسلىم6034( ،بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي
  • 2706( )؛ مۇسلىم6365 ،6370 ،6369( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي
  • بەت. سەنەدى ئىنتايىن زەئىف
  • . ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ2054( )؛ مۇسلىم3789( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي. رىۋايىتى

ئون توققۇزىنچى بۆلۈم: ئابرۇيپەرەسلىك بىلەن رىياكارلىقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى، ئىككىسىنىڭ داۋاسى ۋە نامى چىقماسلىقنىڭ پەزىلىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار توغرىسىدا

بۆلۈم: “ئون توققۇزىنچى بۆلۈم: ئابرۇيپەرەسلىك بىلەن رىياكارلىقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى، ئىككىسىنىڭ داۋاسى ۋە نامى چىقماسلىقنىڭ پەزىلىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار توغرىسىدا”

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: مۇنداق دېگەن.»«مەن ئۈممىتىم ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغان نەرسە رىيا ۋە يوشۇرۇن شەھۋەتتۇر

بۇ يوشۇرۇن شەھۋەتنىڭ (ئابرۇيپەرەسلىكنىڭ) ئاپەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتىن ئومۇمەن ئابىدلارلا ئەمەس، كاتتا ئالىملارمۇ ئاجىز كېلىدۇ. ئاخىرەت يولىدا مېڭىشقا. قاتتىق تىرىشقان ئابىدلار ۋە ئالىملار بۇ يوشۇرۇن شەھۋەت بىلەن سىنىلىدۇ چۈنكى، ئۇلار نەپسلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، شەھۋەتلەردىن ئايرىپ، ئۇنى تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلىغاندا، ئۇلارنىڭ نەپسلىرى ئەزالار سادىر قىلغۇسى ئاشكارا گۇناھلاردىن ئۈمىدۋار بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نەپسلىرى ئىلىم ۋە ئەمەلنى ئاشكارا قىلىش بىلەن راھەتلىنىدۇ ۋە مەخلۇقاتنىڭ نەزەرىدە مەقبۇل بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىززەت نەزەرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرىشىش مۇشەققىتىدىن قۇتۇلۇش يولىنى تاپىدۇ ھەمدە شۇندىلا نەپىس كاتتا لەززەتكە چۆمىدۇ، نەتىجىدە گۇناھ ئىشلارنى تەرك ئېتىشنى كىچىك ئىش سانايدۇ. ئارىدىن بىرى ئۆزىنى «مەن ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلغۇچىمەن» دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى مۇناپىقلار تىزىملىكىگە ئۇنىڭ ئىسمى يېزىلىپ بولغان بولىدۇ. بۇ بۈيۈك ھىيلە مىكىر بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بەندىلەرلا سالامەت- .قالىدۇ

شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرلەركى: «سىددىقلارنىڭ بېشىدىن چىقىپ كېتىدىغان ئەڭ.»ئاخىرقى نەرسە باشلىق بولۇشنى ياخشى كۆرۈش

بۇ يوشۇرۇن شەھۋەت شەيتانلارنىڭ ئەڭ چوڭ قاپقىنى بولغان يوشۇرۇن شەھۋەتتۇر. بۇ كېسەل بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ سەۋەبى، ھەقىقىتى ۋە قىسىملىرى ھەققىدە .چۈشەندۈرۈش ۋاجىبتۇر

شۆھرەت ۋە ئابرۇيپەرەسلىكنىڭ، داڭق قازىنىشنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى ۋە تونۇلماسلىقنىڭ پەزىلىتى

شۆھرەتنىڭ تارقىلىشىنى- شۇنى بىلگىنكى، ئابرۇيپەرەسلىكنىڭ ئەسلى بولسا نام. ياخشى كۆرۈش دېمەكتۇر

شۆھرەتنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى زور خەتەردۇر. بۇ خەتەردىن سالامەت- نام. قېلىش نامى چىقماسلىق بىلەن بولىدۇ

شۆھرەتكە ۋە- شۆھرەتنى مەقسەت قىلمايدۇ. نام- ياخشىلىق ئەھلى نام ، شۆھرەت ئاللاھ تەرەپتىن چۈشسىمۇ- ئۇنىڭ سەۋەبلىرىگە ئارىلاشمايدۇ. ئەگەر نام . شۆھرەتتىن قاچىدۇ ۋە نامى چىقماسلىقنى ئەلا بىلىدۇ- ئۇلار نام

شۇنىڭدەك ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ئۆيىدىن چىقتى ۋە ئۇنىڭغا بىر تۈركۈم كىشىلەر ئەگىشىۋالدى، ئىبنى مەسئۇد ئۇلارغا قاراپ: «نېمىشقا ماڭا ئەگىشىۋالىسىلەر؟! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر نېمىشقا ئىشىكىمنى ئېتىۋالغانلىقىمنى بىلسەڭلار، ئاراڭلاردىن ھېچكىممۇ !ماڭا ئەگىشىۋالمىغان بولاتتى» دېدى. يەنە بىر لەۋزىدە: «قايتىپ كېتىڭلار »باشقىلارغا ئەگىشىۋېلىش ئەگەشكۈچىگە خارلىق، ئەگىشىلگۈچىگە پىتنە بولىدۇ» دېگەن.

ئەبۇلئالىيە رەھىمەھۇللاھ قېشىدا تۆتتىن ئارتۇق ئادەم ئولتۇرغاندا، ئورنىدىن. قوپۇپ كېتەتتى

-خالىد ئىبنى مەئدان رەھىمەھۇللاھنىڭ سورۇنىدا ئادەم كۆپىيىپ كەتسە، نام. شۆھرەتنى يامان كۆرۈپ، سورۇندىن چىقىپ كېتەتتى

زۇھرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «باشلىقلىققا قىزىقماسلىق ئەڭ كەم ئىچمەك ۋە مالنى قولىدىن بەرگەنلىكىنى- تېپىلىدىكەن، بىراۋنىڭ يېمەك تارتىش قىلىنسا، ئۇنى- كۆرىمىز، لېكىن باشلىقلىق ئورنى ھەققىدە تالاش.»قوغداپ، دۈشمەنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز

بىر ئادەم بىشر ھافىيغا:

— ماڭا ۋەسىيەت قىلغىن! — دېگەنىدى، بىشر ھافىي:

ئىچمىكىڭنى پاك قىلغىن! دۇنيادا- شۆھرىتىڭنى يوشۇرغىن! يېمەك- نام— كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇشىنى ياخشى كۆرگەن ئادەم ئاخىرەتنىڭ لەززىتىنى دېدى — تاپالمايدۇ

«سەھىھۇ مۇسلىم»دا رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۆمەر ئىبنى سەئد دادىسى سەئدنىڭ يېنىغا باردى، ھالبۇكى، دادىسى قويلىرىنى ئېلىپ مەدىنەنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. دادىسى ئۆمەرنى يىراقتىن كۆرگەندە: «ئاللاھ تائالاغا. سىغىنىپ، بۇ ئۇلاغ مىنگەن كىشىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېدى ئوغلى دادىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە: «دادا! كىشىلەر مەدىنەدە پادىشاھلىق تالىشىۋاتسا، سەن قويلىرىڭنىڭ ئارىسىدا بىر ئەئرابىيغا ئوخشاش بولۇشنى خاھلامسەن؟!» دېدى. سەئد ئوغلىنىڭ كۆكرىكىگە ئۇرۇپ: «خەپشۈك! مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ھەقىقەتەن ئاللاھ تەقۋادار، روھى .باي، نامسىز بەندىنى ياخشى كۆرىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم» دېدى

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، دوستلىرىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى دۇنيالىق يۈكى يەڭگىل، نامازدىن نېسىۋىسى كۆپ، پەرۋەردىگارىغا ئىخلاس، بىلەن ئىبادەت قىلىدىغان، ئۆزى يالغۇز يەردىمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان خەلق ئارىسىدا ئانچە تونۇلمىغان، باشقىلارنىڭ كۆزىگە بەك چېلىقىپ كەتمەيدىغان، تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك رىزقى بار بولۇپ، شۇنىڭغا سەبر قىلىدىغان مۇئمىندۇر». ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قولى بىلەن يەرنى چوقۇپ تۇرۇپ: «ئۇ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىغان، ئارقىسىدىن . مۈلكى ئاز بولغان كىشىدۇر» دېدى- يىغلايدىغانلار ۋە مىراس قالىدىغان مال

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەمراھلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دەيتتى: «سىلەر ئىلىم بۇلاقلىرى، ھىدايەت چىراغلىرى، ئۆيلەرنىڭ بىساتلىرى، (ئۆيىگە باغلانغان) كېچىنىڭ چىراغلىرى، (كېچىدە ناماز ئوقۇيدىغان) قەلبلەرنىڭ ساددا) ئاسماندا- يېڭىلىرى، (قەلبى سەگەك) كىيىملەرنىڭ كونىلىرى، (ئاددىي.»تونۇشلۇق، زېمىن ئەھلىگە ناتونۇش كىشىلەردىن بولۇڭلار

شۆھرەتنىڭ- ئەگەر «بۇ بايانلاردا نامى چىقماسلىقنىڭ پەزىلىتى ۋە نام - ئەيىبلىنىدىغانلىقى سۆزلەندى، لېكىن، پەيغەمبەرلەر ۋە پېشىۋا ئالىملارنىڭ نام : شۆھرەت بولامدۇ؟» دېيىلسە، دەيمىزكى: نام - شۆھرەتنى تەلەپ قىلىش ئەيىبتۇر. ئەمما، نام - شۆھرەتنىڭ ئۆزى نېمىشقا ئەيىبلەنسۇن؟ پەيغەمبەرلەرنىڭ نام - شۆھرىتىدىنمۇ بەكرەك داڭلىق نام بارمىدۇ؟- «ئىنساننىڭ نام، ئىنسان تەلەپ قىلمىسىمۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن بولسا ئەيىب ئەمەس ، شۆھرەت قازىنىشى پىتنە تۇغدۇرىدۇ. چۈنكى- لېكىن ئاجىز كىشىلەرنىڭ نام. ئاجىز كىشى سۇ ئۈزۈشنى ياخشى بىلمىگەنلىكتىن غەرق بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ ئۇنىڭغا بىرەر كىشى ئېسىلسا، ئۆزى بىلەن بىرگە باشقىلارنىمۇ سۇغا غەرق قىلىدۇ. ماھىر سۇ ئۈزگۈچىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا سۇغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتقان كۆپ كىشىلەر ئېسىلسىمۇ، ماھىر سۇ ئۈزگۈچى ئۇلارنىڭ غەرق بولۇشتىن.»قۇتۇلۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ

ئابرۇي ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىتى- يۈز

مۈلك بولسا دۇنيانىڭ ئىككى- ئابرۇي ۋە مال- شۇنى بىلگىنكى، يۈز تۈۋرۈكىدۇر. مال: «مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەرگە ئىگە بولۇش» دېمەكتۇر. يۈز ئابرۇي: «كىشىلەرنىڭ قەلبتىن ھۆرمەتلىشى، ئىتائەت قىلىشى ۋە سۆزىنىڭ- »ئېتىبارغا ئېلىنىشى» دېمەكتۇر. يەنى «كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدىن ئورۇن ئېلىش، دېمەكتۇر. كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدىن ئورۇن ئېلىش بولسا ئىلىم، ئىبادەت » قۇۋۋەت، گۈزەل خۇلق ياكى شۇنىڭدەك كىشىلەر «مۇكەممەللىك- نەسەب، كۈچ دەپ قارايدىغان ئالىي سۈپەتلەردىن بىرەر سۈپەت بىلەن خالايىقنىڭ قەلبىنى .ئۇتۇشتۇر

كىشىلەرنىڭ قەلبلىرى بىر شەخستە كۆرگەن مۇكەممەللىك سۈپەتلىرىنىڭ مىقدارىغا قاراپ، ئۇ شەخسكە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىتائەت قىلىدۇ، ئۇنى .ماختايدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ

ئابرۇينىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە سۆيۈملۈك ۋە مالنى ياخشى كۆرۈشتىنمۇ- بۇ يۈز يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، مال ئەينەن بىر مەقسەتكە مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ، بەلكى ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشتۈرىدىغان ئابرۇينىڭ سەۋەبتە شېرىك بولۇشى ياخشى- ۋاسىتىدۇر. شۇڭا، مال ۋە يۈز ئابرۇينى ياخشى كۆرۈش- كۆرۈشتە ئورتاق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، يۈز. بۇنىڭدا مالنى ياخشى كۆرۈشتىن يۇقىرى تۇرىدۇ

ئابرۇينى ياخشى كۆرۈشتە ماختىلىدىغان ۋە ئەيىبلىنىدىغان تەرەپلەر- يۈز

ئابرۇينىڭ ماختىلىدىغان ۋە ئەيىبلىنىدىغان تەرىپى- شۇنى بىلگىنكى، يۈز كېچەك ۋە- ئىچمەك، كىيىم- بولىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، كىشى ئۈچۈن يېمەك

شۇ قاتارلىق زۆرۈر نەرسىلەر ئۈچۈن مال بولمىسا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ، ئابرۇينىڭ بولۇشىمۇ زۆرۈردۇر. چۈنكى- جاھاندارچىلىق تەقەززاسى تۈپەيلى يۈز ئىنسان ئۆزىنى قوغدايدىغان سۇلتانغا، ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغان ھەمراھقا ۋە خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىگە موھتاج بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇلارنى ياخشى كۆرۈشى ، مۈلككە ئوخشاش- ئابرۇي، خۇددى مال- ئەيىبلەنمەيدۇ. چۈنكى، يۈز. كۆزلەنگەن نىشانلارغا يەتكۈزىدىغان بىر ۋاسىتىدۇر

ئابرۇينىڭ ئۆزىلا سۆيۈملۈك بولۇپ- بۇنىڭدىكى ھەقىقەت بولسا مال ۋە يۈز قالماسلىقىدۇر. ئىنسان توغرا بىر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزىدە لاياقەت سۈپىتى «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ :بار بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ )خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى دېگەن سۆزىگە ئوخشاش ‹12يۈسۈف-55› بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن ئابرۇي تەلەپ قىلسا ياكى ئۆزىنىڭ ئورنى يوقاپ كەتمەسلىكى- سۆزلەرنى دەپ يۈز ئابرۇي- ئۈچۈن ئەيىبلىرىدىن بىر ئەيىبنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ يۈز تەلەپ قىلسا رۇخسەتتۇر. ئەمما، ئۆزىدە بولمىغان ئىلىم، تەقۋالىق ۋە نەسەبكە .ئوخشاش سۈپەتلەرنى دەپ تۇرۇپ مەنسەپ تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ

شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ئالدىدا كىشىلەر «نامازنى خۇشۇئ بىلەن ئوقۇيدىكەن» دەپ قالسۇن ئۈچۈن نامازنى گۈزەل ئوقۇسا، بۇ ئىشى بىلەن ئۇ رىيا قىلغۇچى بولىدۇ. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى يالغان بىلەن ئۆزىگە مايىل قىلىش ۋە .مالغا باشقىلارنى ئېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ ئىگە بولۇش دۇرۇس ئەمەس

ئابرۇي قوغلىشىشنىڭ دورىسى- يۈز، شۇنى بىلگىنكى، ئابرۇيپەرەس كىشى باشقىلارغا كۆپ كۆڭۈل بۆلمەس كېلىشكە ۋە ئۇلارغا خۇشامەت قىلىشقا ھېرىسمەن- بىراۋلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ھەرىكەتلىرىدە داۋاملىق كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۆز- بولۇپ قالىدۇ. سۆز ۋە ئىش ئورنىنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ بولسا مۇناپىقلىقنىڭ ئۇرۇقى ۋە بۇزۇلۇشنىڭ يىلتىزىدۇر. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالماقچى بولغان كىشى ئۆزىدە يوق نەرسىنى باردەك كۆرسىتىش بىلەن ئۇلارغا. ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىشقا موھتاج بولىدۇ

بۇ ھالەت رىيا بىلەن ئىبادەت قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش ۋە .قەلبلەرنى مايىل قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاسىتە قوللىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مال ۋە شەرەپنى

ياخشى كۆرۈشنى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ دىننى بۇزۇشىنى قويلار توپىغا قويۇۋېتىلگەن. ئاچ قورساق ئىككى بۆرىگە ئوخشاتقان

، ئابرۇي قوغلىشىش ھالاك قىلغۇچى ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ- شۇڭا، يۈز ئۇنى داۋالاش ۋاجىبتۇر. ئۇنىڭ دورىسى ئىلىم ۋە ئەمەلنىڭ بىرىكمىسىدۇر. ئىلىم بولسا ئابرۇيپەرەستلىكنىڭ قايسى سەۋەبتىنلىكىنى بىلىشتۇر. ئابرۇي قوغلىشىشنىڭ سەۋەبى ئۆز كۈچىنىڭ كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە مۇكەممەل يېتىشىنى ئىستەشتۇر. بۇ ھەرقانچە ساپ ۋە ساغلام بولسىمۇ، ئاخىرىدا ھالاك بولۇشقا سەۋەب ئابرۇيلۇق كىشىلەرگە باشقىلارنىڭ ھەسەت قىلىشى- بولىدۇ. شۇڭا، دۇنيادا يۈز ۋە ئەزىيەت بېرىشلىرى قاتارلىق ئۇلارغا يەتكەن ئاپەتلەر ۋە خەتەرلەر ھەققىدە ئابرۇيىنىڭ- ئابرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ يۈز- ئويلىنىش كېرەك. سەن يۈز تۆكۈلۈشىدىن ئەنسىرەپ، داۋاملىق قورققان ۋە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى .ئورنىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلغان ھالەتتە كۆرىسەن

قەلبلەر قايناۋاتقان قازاندىنمۇ بەكرەك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئابرۇينى ساقلاشنى چوڭ بىلىش- جىددىي قارىلىدىغان غەم بولۇپلا قالماي، يۈز خاھىشىنى پەسەيتىدۇ. دۇنيانىڭ ئارزۇ قىلىنىدىغان نەرسىلىرى قورقۇنچلۇق نەرسىلىرىگە تەڭ كەلمىگىنىدەك، ئاخىرەتتە قولدىن كېتىدىغان نېئمەتلەرگە .تېخىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ. بۇ بىلىش جەھەتتىندۇر

ئابرۇينى- ئابرۇي قوغلىشىشنى ئەمەل بىلەن داۋالاش بولسا، يۈز- يۈز چۈشۈرىدىغان ئەمەللەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈرۈش بىلەن بولىدۇ. شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پادىشاھلاردىن بىرى زاھىد بىر كىشىنى ،زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلدى. پادىشاھ زاھىدقا يېقىنلاشقاندا، زاھىد تاماق كۆكتات ۋە سۈت ئەكەلدۈرۈپ، لوقمىنى چوڭايتىپ، تاماقنى ئاچكۆزلۈك بىلەن. يېيىشكە باشلىدى. پادىشاھ بۇنى كۆرۈپلا، ئۇ كىشىنى نەزەرىدىن چۈشۈرۈۋەتتى

ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ قازى بولۇشى ئىرادە قىلىنغاندا، قىزىل. كۆينەك كىيىپ، بازاردا ئولتۇرغان ئىدى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مال ۋە مەنسەپ سەۋداسىنىڭ بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىغا بەرگەن زىيىنى ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ بىر قوتانغا كىرىپ، يېگىنىنى يەپ، قالغىنىنى ئۆلتۈرۈپ (مال ئىگىسىگە) سالغان زىيىنىدىن تېخىمۇ چوڭدۇر» دېگەن.

ئابباسىيلار خەلىفەلىكى زامانىدا ئالىملار ۋە قازىلار قارا كىيىم كىيەتتى. ئىبراھىم نەخەئىي. قىزىل كىيىم كىيگەندىن كېيىن قازىلىق مەنسىپىدىن قۇتۇلغان ئىدى

شۇنى بىلگىنكى، زاھىدنىڭ كىشىلەردىن ئايرىلىۋېلىشى ئۇنىڭ كىشىلەر ئابرۇي پىتنىسىدىن- ئابرۇيىنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر زاھىد يۈز- نەزەرىدىكى يۈز قورقسا، پىتنىدىن سالامەت قېلىش يولىنى تۇتۇپ، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتسۇن، بازارلاردا ماڭسۇن، ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۆزى .كۆتۈرسۇن. كىشىلەر دۇنياسىدىن تەمەسىنى ئۈزسۇن، شۇندىلا مۇرادىغا ئېرىشىدۇ

. ئۇ زاتلاربىشر ھافىي رەھىمەھۇللاھ ئەتىر ساتقۇچىنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتى .بۈگۈنكىدەك زاھىد كۆرۈنۈۋالغانلارنىڭ ئادەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيتتى

پەسل: ماختىلىشنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئەيىبلىنىشنى يامان كۆرۈشنى داۋالاش يولىنىڭ بايانى

شۇنى بىلگىنكى، كۆپىنچە ئادەملەر كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورققانلىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ماختىشىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ھالاك بولدى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى كىشىلەرنىڭ ماختىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىغا مۇۋاپىق بولىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ھالاك قىلغۇچى .ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ، ئۇنى داۋالاش ۋاجىبتۇر. ئۇنى داۋالاشتا، كىشىنىڭ ماختىلىشىغا سەۋەب بولغان سۈپەتكە قارىلىدۇ ئەگەر ئۇ كىشىدە بار سۈپەت بولسا، ئىلىم ۋە تەقۋالىققا ئوخشاش ياخشى ئابرۇي ۋە مالغا ئوخشاش ياقتۇرۇشقا- كۆرۈلىدىغان سۈپەت ياكى يۈز. ئەرزىمەيدىغان سۈپەت بولۇشتىن خالىي بولمايدۇ

ئۆزىدە بار بولغان ئىلىم ۋە تەقۋالىق سەۋەبىدىن سۆيۈنگەن بولسا، ئۆلۈمىنىڭ قايسى ھالەتتە بولۇشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئۆلۈمدىن قورقۇش ماختىلىش سەۋەبىدىن سۆيۈنۈشتىن يىراق قىلىدۇ. ئەگەر كىشى ياخشى ئۆلۈمىنى ،ئۈمىد قىلىپ خۇشال بولغان بولسا، كىشىلەرنىڭ ماختىشى سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ ئاڭا بەرگەن ئىلىم ۋە تەقۋالىقتىن ئىبارەت پەزلى سەۋەبلىك. خۇشال بولۇشى لازىمدۇر

ئابرۇي ۋە مال سەۋەبىدىن سۆيۈنۈشتۇر. بۇنىڭ بىلەن- ئىككىنچىسى، يۈز پارچە بولغۇسى- سۆيۈنۈش خۇددى زېمىننىڭ پات يېقىندا قۇرۇپ پارچە ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن خۇشال بولغانغا ئوخشاشتۇر. بۇنىڭ بىلەن پەقەت ئەقلى كەم كىشىلا خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سەندە ماختىلىشقا تېگىشلىك سۈپەتلەر. يەنى بازارلاردىكى ئاددىي كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ بىللە ئولتۇراتتى دېمەكچى بولمىسىمۇ، ماختلاغاندا سۆيۈنۈشۈڭ ئۇچىغا چىققان ساراڭلىقتۇر.

بىز ماخىتىلىشنىڭ ئاپەتلىرىنى ئىلگىرىكى «تىلنىڭ ئاپەتلىرى توغرىسىدا، دېگەن تېمىدا بايان قىلدۇق. شۇڭا، ماختلاغاندا سۆيۈنۈشۈڭ توغرا ئەمەس بەلكى ئۇنى سەلەف سالىھلەر يامان كۆرگەندەك ۋە ئۇلار ماختلاغاندا سۆيۈنگەن. كىشىگە غەزەپلەنگەندەك غەزەپلىنىشىڭ ۋە يامان كۆرۈشۈڭ كېرەك

ئەيىبلىنىشنى يامان كۆرۈشنىڭ دورىسى

ئەيىبلىنىشنى يامان كۆرۈشنىڭ دورىسىنى ماختىلىشنى يامان كۆرۈشنىڭ. شىپاسىدىن چۈشەنگىلى بولىدۇ. چۈنكى، بىرى يەنە بىرىنىڭ قارشىسىدۇر :ئەيىبلىنىشنى يامان كۆرۈشنىڭ دورىسى ھەققىدە ئىخچام قىلىپ ئېيتقاندا

ئەگەر ئەيىبلىگۈچى سەمىمىي، راستچىل كىشى بولسا، ئاچچىقلانماي ئۇنىڭ ئېھسانىغا جاۋاب قايتۇرغىن. چۈنكى، ئۇ ساڭا ئەيىبلىرىڭنى ھەدىيە قىلغان كىشىدۇر. ئەگەر ئۇ سەمىمىي گەپ قىلمىغان بولسا، ئۆز دىنىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. سەن ئۇنىڭ سۆزىدىن پايدىلىنىسەن، چۈنكى ئۇ سەن بىلمىگەن نەرسىنى ساڭا بىلدۈرۈپ قويغان ۋە ئۇنتۇپ قالغان خاتالىقلىرىڭنى ساڭا ئەسلىتىپ قويغان. بولىدۇ

ئەگەر ئۇ سەندە يوق سۈپەتلەرنى توقۇپ گەپ قىلغان بولسا، سەن ئۈچ. نەرسە ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشىڭ كېرەك

بىرىنچى: ئەگەر سەن شۇ ئەيىبنىڭ ئۆزىدىن خالىي بولساڭمۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئەيىبلەردىن خالىي ئەمەسسەن، چۈنكى ئاللاھ تائالا ساڭا كۆرسەتمىگەن ئەيىبلەر تېخىمۇ كۆپتۇر. شۇڭا، ئاللاھ تائالاغا ئۇنىڭغا سېنىڭ ئەيىبلىرىڭنى كۆرسەتمىگەنلىكىگە ۋە ئۇنى سەندىن دەفئ قىلغانلىقىغا، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ سەندە يوق سۈپەتلەرنى دەپ يالغاننى توقۇغانلىقىغا قارىتا ئاللاھ تائالاغا رەھمەت. ئېيتقىن

ئىككىنچى: ئۇنىڭدەك گەپلەرنىڭ گۇناھلىرىڭغا كەففارەت بولىدىغانلىقىنى .ئويلىغىن، ئۈچىنچى: ساڭا قارشى يالغاننى توقۇغان كىشى دىنىغا ئاسىيلىق قىلغان ھەقتائالانىڭ غەزىپىگە ئۆزىنى دۇچار قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالادىن ئۇنى ئەپۇ قىلىشىنى سورىشىڭ كېرەك. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەمنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى، ئاندىن ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ئۇ ئادەمگە

،مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلدى ۋە: «مەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئەجىرگە ئېرىشتىم ئۇنىڭ مەن سەۋەبلىك ئازابلانغۇچى بولۇشىنى خاھلىمايمەن» دېدى. بۇ ھېكايە .ئىلگىرى مۇلايىملىقنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى مەزمۇندا ئۆتتى

رىيا، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، قىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە رىياكارلىقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت ۋە ،«شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى :ھەدىسلەر كەلگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە» «107مائۇن-4-6» ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ. نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ

.! ) ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن‍«(ئى مۇھەممەد ماڭا ۋەھيى قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. كىمكى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى «18كەھف-110» شېرىك كەلتۈرمىسۇن

ھەدىسلەرگە كەلسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى بىر ئەمەلنى قىلغاندا مەندىن باشقىنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلىپ قىلسا، ئۇ ئەمەل شېرىك قىلىنغۇچى ئۈچۈن.» جۇدامەن- بولىدۇ، مەن ئۇ ئەمەلدىن ئادا

دېيىلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

، دېگەنىدى— سىلەر ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغىنىم ئەڭ كىچىك شېرىكتۇر— :ساھابەلەر

دېدىلەر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ— ئەڭ كىچىك شېرىك دېگەن نېمە؟— :ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى

، رىيا قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە ئەمەللىرى سەۋەبلىك جازا بەرگەندە— رىياكارلارغا: ‹سىلەر دۇنيادا ئەمەللىرىڭلارنى كۆرسىتىپ قىلغان كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، قېنى، ئۇلارنىڭ قېشىدا ياخشىلىق تاپالامسىلەر؟!› دەيدۇ».

بىشر ھافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «نەي چېلىپ دۇنيا تېپىشىم دىن بىلەن دۇنيا تاپقىنىمدىن سۆيۈملۈكراقتۇر».

بىلگىنكى، رىيا (كۆرسىتىش) بولسا رۇئيە (كۆرۈش) دېگەن ئىسىمدىن سۇمئەت (ئاڭلاش، شۆھرەت) دېگەن سۆز بولسا سىمائ (ئاڭلاش) دېگەن ئىسىمدىن ياسالغان سۆزدۇر. دېمەك: رىياكار (كۆرسىتىپ ئەمەل قىلغۇچى) «ئۆزىگە بىرەر. نېسىۋە تېگىپ قالارمىكىن» دەپ كىشىلەرگە كۆرسىتىپ ئەمەل قىلىدۇ

رىيا بىرنەچچە تۈرلۈكتۇر:

بىرىنچى: دىندىكى رىيا. بۇمۇ بىرنەچچە خىلدۇر:

ئا) تەننىڭ رىياسى. يەنى ئورۇق ۋە سولغۇن كۆرۈنۈش بىلەن بولىدىغان رىيا بولۇپ، رىياكار ئادەم كىشىلەرگە ئۆزىنى قاتتىق ئىبادەتگۇي ۋە ئاخىرەتتىن بەك كۆز قىلغۇچىمۇ شۇ- قورقىدىغان قىلىپ كۆرسىتىدۇ. چۇۋۇق چاچلىرىنى كۆز جۈملىدىن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى دىن غېمىگە غەرق بولغان، چېچىنى تاراشقىمۇ .چولىسى يوقتەك كۆرسەتكۈچىدۇر، داۋاملىق روزا تۇتىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىنى پەسلىتىش ئىككى كۆزىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكى ۋە لەۋلىرىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى .كۆرسىتىش قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل رىياغا يېقىندۇر

شۇڭا، مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالام: «قايسىبىرىڭلار روزا تۇتسا، بېشىنى . ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداقمايلىسۇن ۋە چېچىنى تارىسۇن» دېگەن دېيىشى روزىدار ئۈچۈن رىياكارلىق ئاپىتىدىن قورققانلىقى ئۈچۈندۇر. مانا بۇ دىن. ئەھلىنىڭ جىسمانىي رىياسىدۇر، دۇنيا ئەھلىنىڭ رىياكارلىقلىرى بولسا سېمىزلىك، تەن رەڭگىنىڭ سۈزۈكلۈكى . قامەت، يۈز گۈزەللىكى ۋە جىسمانىي پاكىزلىقىنى نامايان قىلىشىدۇر- قەددى

، تۇرۇشتىكى رىيا. مەسىلەن: ماڭغاندا بېشىنى تۆۋەن سېلىۋېلىش- ئە) يۈرۈش يۈزىدە سەجدە ئىزى قالدۇرۇش، قوپلا كىيىملەرنى، يۇڭ كىيىم كىيىش، كۆپىنچە ،يېڭىنى تۈرۈپ قويۇش ياكى يەڭلىرىنى قىسقا قىلىش ۋە كىيىمنى يۇيۇپ يامىماي. يىرتىق پېتى كىيىۋېرىش قاتارلىقلار

سوپىلارنىڭ ئىچكى سۈپەتلىرىنى قازىنىشنى قويۇپ، سوپىلارغا ئوخشىۋېلىپ ياماق كىيىم كىيىش ۋە كۆك كىيىم كىيىشمۇ شۇ قاتاردىكى رىيادىندۇر. ئۆزىگە خاس بىر ئادەت يېتىلدۈرۈپ، باشقىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن سەللىدىن سىرت نىقاب تاقىۋېلىشمۇ بۇ تۈرلۈك رىيانىڭ قاتارىدىندۇر.

بىر تەبىقىدىكى كىشىلەرگە رىيا قىلىپ، قوپلا، كىر ۋە يىرتىق كىيىملەرنى كىيىپ، زاھىد سىياقىدا كۆرۈنۈش بىلەن ياخشىلىق ئەھلىنىڭ نەزەرىدە مەرتىۋە تەلەپ قىلىدىغانلارمۇ بار. ئەگەر بۇنداق قىلىدىغان كىشى سەلەف سالىھلەر كىيگەندەك پاكىز ۋە ئوتتۇراھال كىيىملەرنى كىيگەن تەقدىردىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە «زاھىدلىقنىڭ ئەيىبلىرى ئاشكارا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، ئۇ زاھىدلىق يولىدىن قايتىپتۇ» دېيىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا ھالاكەت. مەرتىۋىسى ھېسابلىنىدۇ

يەنە بىر تەبىقىدىكى كىشىلەر ياخشىلار، سۇلتانلار، ئەمىرلەر ۋە سودىگەرلەر كەبى ھەممىنىڭ نەزەرىدە مەقبۇل بولۇشنى ئىستەيدۇ. ئەگەر ئۇلار قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيسە، ياخشىلىق ئەھلى بولمىش قارىيلار ياقتۇرمايدۇ. ئەگەر سۇلتانلار ۋە بايلار ئۇلارنى تۆۋەن- ئاددىي، يىرتىق كىيىملەرنى كىيسە، ئەمىر كۆرىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار دىن ۋە دۇنيا ئەھلىنىڭ نەزەرىدە تەڭ مەقبۇل بولماق يۇپقا، يېپىنچا كىيىملەرنى كىيىدۇ ۋە قىممەت باھالىق قولياغلىقلارنى- ئۈچۈن نېپىز. تۇتىدۇ. گاھى بىرىنىڭ كىيىمى باينىڭ كىيىمىدەك قىممەت باھالىق بولىدۇ كىيىمىنىڭ رەڭگى ۋە تۇرقى سالىھلارنىڭ كىيىم رەڭگىگە ئوخشايدۇ. شۇ ئارقىلىق. ئۇلار ئىككىلا قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە تەڭ مەقبۇل بولۇشنى ئىستەيدۇ

ئەگەر ئۇلاردىن يىرىك ياكى كىر كىيىم كىيىش تەكلىپ قىلىنسا، پادىشاھلار ۋە بايلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قورققانلىقىدىن، بۇمۇ ئۇلار ئۈچۈن ھالاكەتتۇر. ئەگەر ئۇلارغا نېپىز كىيىملەر، قىممەت باھالىق ئاق كاناپ رەخت ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىش تەۋسىيە قىلىنسا، ياخشىلىق ئەھلىنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، بۇنداق. كىيىملەرنى كىيىشنىمۇ ئېغىر ئالىدۇ

مەخسۇس بىر خىل كىيىم كىيىش شەكلى بىلەن رىيا قىلىدىغان كىشىگە ئۇ شەكىلدىن تۆۋەن ياكى يۇقىرى شەكىلدە كىيىنىش ئەيىبلىنىشتىن قورققانلىقتىن. ئېغىر كېلىدۇ

،دۇنيا ئەھلىنىڭ رىيا قىلىشىغا كەلسەك، ئۇلار قىممەت باھالىق كىيىملەر ئىچمەك، تۇرلاغۇ جاي ۋە ئۆي- ئۇلاغلار، ئېسىل يېمەك- كۆركەم ئات ئەسۋابلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەللىرى بىلەن رىيا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆيلىرىدە يىرىك كىيىملەرنى كىيىدۇ، ھالبۇكى ئۆيىدە كىيگەن كىيىملىرى بىلەن سىرتلارغا. چىقىشنى خاھلىمايدۇ

نەسىھەت- سۆز بىلەن رىيا قىلىش. دىن ئەھلىنىڭ رىياكارلىقى ۋەز- ب) گەپ قىلىش، ئەسلىتىش، باشقىلار بىلەن مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن ساھابەلەردىن كۆز- كەلگەن ئەسەر ۋە ھەدىسلەرنى يادقا ئېلىش، ئىلىمىنىڭ موللىقىنى كۆز ئىزلىرىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى- قىلىش، سەلەف سالىھلەرنىڭ ئىش، كۆرسىتىش، كىشىلەر بار يەردە زىكىر ئېيتىپ ئىككى لېۋىنى قىمىرلىتىش كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان مۇنكەرلەرگە ئاشكارا غەزەپلىنىش، قۇرئان ئوقۇغاندا قورققان ۋە قايغۇرغان قىياپەتتە ئاۋازىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ تۆۋەن. قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ

دۇنيا ئەھلىنىڭ سۆزلۈك رىياكارلىقى بولسا شېئىر، مەسەللەرنى يادقا ئېلىش. ۋە پاساھەت بىلەن سۆزلەش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ

پ) ئەمەل بىلەن رىيا قىلىش. بۇ خۇددى ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇش، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئۇزۇن قىلىش، خۇشۇئ قىلغانلىقىنى ئاشكارا قىلىش، ياكى شۇنىڭدەك ئىشلار بىلەن رىيا قىلغىنىغا ئوخشاشتۇر. شۇنىڭدەك روزا تۇتۇش. غازات قىلىش، ھەج قىلىش ۋە سەدىقە قىلىش قاتارلىقلاردا رىيا قىلىشتۇر، دۇنيا ئەھلىنىڭ ئەمەل بىلەن رىيا قىلىشىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق ھاكاۋۇرلۇق، قوللىرىنى شىلتىش، تەكەببۇرانە قەدەم ئېلىش، كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىۋېتىش ۋە نوچىلىقىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن مەيدىسىنى كېرىپ. مەغرۇرانە يۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ

ت) ھەمراھلىرى ۋە زىيارەت قىلغۇچىلار بىلەن رىيا قىلىش. بۇ تۈردىكى - كىشىلەر «پالانى پالانىنى زىيارەت قىپتۇ، دىن ئەھلى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بەرىكەت ئالىدۇ» دېيىشى ئۈچۈن، ئالىم ياكى .ئابىدنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىپ كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ

شۇنىڭدەك يەنە شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار «پالانى كۆپ ئۇستاز كۆرگەن ۋە ئۇلاردىن پايدا ئالغان» دېيىلىشى ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىش ئۈچۈن. ئۇستازلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن رىيا قىلىدۇ

مانا بۇلار رىياكارلار رىيا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئابرۇيغا ئېرىشىشنى- رىياكارلىقلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە مەرتىۋە ۋە يۈز. ئارزۇ قىلىدۇ

ئابرۇينىلا قوغلىشىدىغان كىشىلەر بار. نۇرغۇن ئابىدلار- شۇنداقلا پەقەت يۈز

باشقىلارنىڭ مېلىدىن تەمە قىلىشتىن قول ئۈزۈپ تاغقا چىقىپ، تەركىدۇنيا ئابرۇينىلا- بولۇۋالىدۇ، راھىبلار بولسا چېركاۋلارغا بېكىنىۋالىدۇ. لېكىن، ئۇلار يۈز. ئىستەيدۇ

. مۈلك سەۋدالىرى بار- رىياركارلارنىڭ ئىچىدە پەقەت مال

يەنە باشقىلارنىڭ مەدھىيەلىشى ۋە شۆھرىتىنىڭ تارقىلىشىنى مەقسەت. قىلىدىغانلارمۇ بار، ئەگەر «رىياكارلىق ھاراممۇ ياكى مەكرۇھمۇ؟ ۋەياكى مۇباھمۇ؟» دېيىلسە جاۋابى شۇكى: تەپسىلىيراق ئېيتقاندا رىياكارلىق يا ئىبادەتلەردە، يا ئىبادەتلەردىن، باشقا ئىشلاردا بولىدۇ. ئەگەر رىيا ئىبادەتتە قىلىنسا ئۇ ھارامدۇر. چۈنكى، ناماز. سەدىقە، ھەج ۋە شۇنىڭدەك ئىشلار بىلەن رىيا قىلغۇچى ئاسىي گۇناھكاردۇر سەۋەبى، ئۇ بۇ ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىشقا لايىق يېگانە ئاللاھ تائالادىن باشقىسىنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. بۇ ئىشلار بىلەن رىيا. قىلغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغۇچىلار قاتارىدا بولىدۇ

،ئەگەر رىيا ئىبادەتلەردىن باشقا ئىشلاردا قىلىنسا، ئالدىدا تىلغا ئېلىنغاندەك مال تەلەپ قىلىشقا ئوخشاش ئىشلاردا بولىدۇ. بۇ خىل رىيا كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە مەرتىۋە تەلەپ قىلىش جەھەتتىن ھارام بولمايدۇ. لېكىن، قايمۇقتۇرۇش - ياكى چەكلەنگەن يوللار بىلەن مالغا ئېرىشىش مۇمكىن بولغىنىدەك، يۈز. ئابرۇيغا ئېرىشىشمۇ مۇمكىندۇر

  • ئېھتىياجنى قامدىغۇدەك ئازغىنە مالغا ئېرىشىش ماختالغاندەك، ئازغىنە يۈز ئابرۇينى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ- ئابرۇيغا ئېرىشىشمۇ ماختىلىدۇ. بۇ يۈز «يۈسۈف: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى :تۆۋەندىكى سۆزىدە تەلەپ قىلغان باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ‹12يۈسۈف-55› ساقلىيالىيدىغان ئادەممەن» دېدى

ئابرۇي كىشىنى- ئابرۇي تېپىشنى ھارام دېمەيمىز، لېكىن يۈز- زىيادە يۈز دۇرۇس بولمايدىغان ئىشنى— مۈلكتە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك- مال— . ئابرۇي ھارامدۇر- قىلىشقا ئېلىپ بارسا، ئۇ ۋاقىتتا زىيادە يۈز

ئابرۇيى يوقاپ كەتسىمۇ قايغۇرمايدىغان- ئابرۇي قوغلاشمايدىغان ۋە يۈز- يۈز ئابرۇينىڭ كەڭ تارقىلىشىدا ھېچ زىيان يوق. چۈنكى، پەيغەمبەر- كىشىنىڭ يۈز - سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئالىملارنىڭ يۈز - ئابرۇي بولمىغان ئىدى. لېكىن، ئىرادە- ئابرۇيىدىنمۇ كەڭ تارقالغان يۈز ئابرۇي قوغلىشىشقا ئايلىنىشى دىندىكى نۇقسانلىقتۇر، لېكىن- ھىممەتلەرنىڭ يۈز

.«ھارام» دېيىلمەيدۇ

بىر ئادەم كىشىلەرنىڭ يېنىغا چىققاندا، ئۇلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن گۈزەل كىيىم كىيسە ۋە ئۇلار ئۈچۈن ھەرقانداق چىرايلىق كىيىم كىيسە، «بۇنىڭدىن چەكلىنىدۇ» دېيىلمەيدۇ

بۇنىڭدا مەقسەتلەر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، كۆپىنچە كىشىلەر نۇقسانلىق. ھالەتتە باشىقىلارغا كۆرۈنۈشنى ياخشى كۆرمەيدۇ

،ئىمام مۇسلىم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە :پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

، دېگەنىدى— قەلبىدە زەررىچىلىك كىبر بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ— :ساھابەلەردىن بىرى

كېچەكلىرىنىڭ ۋە كەشىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى- لېكىن، ئادەم كىيىم— : دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم— ياخشى كۆرسىچۇ؟

— ھەقىقەتەن ئاللاھ گۈزەلدۇر. گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ. كىبر دېگەن ھەقنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە كىشىلەرنى تۆۋەن كۆرۈشتۇر — دېدى. — دېدى.

كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمىتىنى ئاشكارا قىلىشنى تاللايدىغان كىشىلەر بار. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى ئاشكارا قىلىشقا بۇيرۇغان ئىدى.

پەسىل: رىيانىڭ دەرىجىلىرى

بۆلۈم: “پەسىل: رىيانىڭ دەرىجىلىرى”

شۇنى بىلگىنكى، رىيانىڭ بەزىسى بەزىلىرىدىن چوڭدۇر. چۈنكى، رىيا بىرنەچچە دەرىجە بولىدۇ:

ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى رىيا: ئىبادەت قىلىشتا ئەسلا ساۋابنى مەقسەت قىلماسلىقتۇر. بۇ يالغۇز قالسا ناماز ئوقۇمايدىغان، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولسا ناماز ئوقۇيدىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر.

ئىككىنچى دەرىجە: رىيا قىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىش بىلەن ساۋابنى بەك ئاجىز دەرىجىدە مەقسەت قىلىش بولۇپ، ئەگەر ساۋاب بولمايدىغان بولسا، ئۇ ئەمەلنى قىلمايدۇ. بۇمۇ ئاۋۋالقى رىيانىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ھەر ئىككى رىيا. ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە يامان كۆرۈلىدۇ

ئۈچىنچى دەرىجە: ئەمەل قىلغاندا رىيا قىلىش بىلەن بىرگە ساۋابنىمۇ مەقسەت قىلىش بولۇپ، ئەگەر ئىككىسىنىڭ بىرسى كەم بولسا ئەمەل قىلماسلىق. بۇ دەرىجىدىكى رىيا قىلغان ياخشى ئەمىلىنى بۇزىدۇ، بۇنداق رىيا قىلغۇچى .گۇناھتىن ساقىت قالمايدۇ

تۆتىنچى دەرىجە: قىلغان ئەمىلىنى كىشىلەر كۆرگەن ھامان ئىبادەتتە تېخىمۇ .تېتىكلىشىش، ئەگەر باشقىلار كۆرمىسە، ئىبادىتىنى ئادەتتىكىدەك داۋاملاشتۇرۇش بۇنداق رىياكارغا توغرا مەقسىتى ئۈچۈن ساۋاب يېزىلىدۇ، بۇزۇق مەقسىتىگە قارىتا. جازا بېرىلىدۇ

ئىبادەتنىڭ ئەسلىدە ئەمەس، سۈپەتلىرىدە رىيا قىلىشمۇ بۇ دەرىجىدىكى رىياغا يېقىن رىيادۇر. بۇ خىل رىيا بەئەينى ناماز ئوقۇيدىغان، رۇكۇ ۋە سەجدىنى يەڭگىل قىلىدىغان كىشى كىشىلەر كۆرسە، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئۇزۇن ۋە ياخشى قىلىدىغان كىشىگە ئوخشاش. بۇمۇ چەكلەنگەن رىيادۇر. چۈنكى، بۇ خىل رىيا مەخلۇقنى ئۇلۇغلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇ رىيا ئىبادەتلەرنىڭ ئەسلىدە .رىيا قىلىشتىن تۆۋەندۇر

چۈمۈلىنىڭ ماڭغىنىدىنمۇ يوشۇرۇن بولغان رىيانىڭ بايانى

. ئاشكارا رىيا ۋە يوشۇرۇن رىيا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ— رىيا

ئاشكارا رىيا بولسا: ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ۋە ئۇنى قىلدۇرىدىغان. رىيادۇر، بۇنىڭدىن سەل يوشۇرۇن رىيا بولسا ئۆزى يالغۇز ئەمەل قىلىشقا قوزغىمايدىغان. لېكىن ئاللاھ رازىلىقى كۆزلەنگەن ئەمەلنى قىلىشىنى يەڭگىللەشتۈرىدىغان رىيادۇر بۇ خۇددى ھەر كېچىسى تەھەججۇد ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما تەھەججۇد ئوقۇش ئېغىر كېلىدىغان، لېكىن ئۆيىگە مېھمان چۈشسە، تەھەججۇد ئوقۇشقا. تېتىكلىشىپ، تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش قولاي بولىدىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر

بۇنىڭدىنمۇ يوشۇرۇنراقى ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى يەڭگىللەشتۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان، لېكىن قەلبتە يوشۇرۇنغان رىيادۇر. دۇئا قىلىش ئەمەل قىلىشقا

تەسىر كۆرسەتمىسە، ئۇ خىل رىيا پەقەت ئالامەتلەر بىلەنلا تونۇلۇشى مۇمكىن. بۇ تۈردىكى رىيانىڭ ئەڭ روشەن ئالامىتى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىبادىتىنى كۆرگەنلىكىدىن خۇشاللىنىشتۇر. كۆپلىگەن بەندىلەر باركى، ئەمەل قىلغاندا ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ، رىيا قىلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ ۋە ئەمەلنى شۇ ھالەتتە تاماملايدۇ. لېكىن، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەمىلىنى كۆرۈشى ئۇنى سۆيۈندۈرىدۇ ۋە راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ، قەلبىدىن ئىبادەتنىڭ قاتتىقچىلىقىنى يوق قىلىدۇ. بۇ سۆيۈنۈش بولسا خۇشاللىق تەپچىرەپ چىقىدىغان يوشۇرۇن بىر رىيانىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. قەلب كىشىلەرگە قارىمىغان بولسا ئىدى، كىشلەر ئۇنىڭغا قارىغاندا، ھەرگىز بۇنداق سۆيۈنمىگەن بولاتتى. دېمەك، بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، رىيا قەلبتە يانار تاغ ئىچىدىكى ۋولقاندەك يوشۇرۇنغان ھالەتتە ئىدى، بىراۋنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى كۆرۈشى بىلەن ئۇ رىيانىڭ خۇشال بولۇشتىن ئىبارەت ئىزى مەلۇم بولغان بولدى. ئاندىن ئۇ ئەمىلىنى بىراۋنىڭ كۆرگەنلىكىدىن لەززەت ئالغىنىنى سەزگەندە, ئۇنىڭدىن بىئارام بولماقتا يوق، بەلكى تېخى بەزىدە ئازراق قىمىرلاپ قويىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەمىلىنى بىلىشكە ئوچۇق گەپ. بىلەن ئەمەس، دارىتما قىلىش بىلەن كۈچەپ قالىدۇ

ئىشارەت ياكى ئوچۇق- بەزىدە قىلىنغان ئىبادەت مەخپىي قالىدۇ، ئۇنى ئىما، سۆزلەر بىلەن ئاشكارا قىلمايدۇ، لېكىن ياداش، چىرايىنىڭ سارغىيىپ كېتىشى ئۈنىنىڭ پۈتۈپ كېتىشى، لەۋلىرىنىڭ گەز باغلاپ كېتىشى، ياش ئىزلىرى ۋە ئۇزۇن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغانلىققا دالالەت قىلىدىغان مۈگدەپ يۈرۈش قاتارلىق. تەبىئىي كۆرۈنۈشلەر بىلەن ئاشكارا قىلىدۇ

بۇنىڭدىنمۇ يوشۇرۇنراقى ھېچكىمنىڭ كۆرۈشىنى خاھلىماي، ئىبادەتنى يوشۇرۇن قىلىش. لېكىن، بۇنداق ئىبادەت قىلغۇچى كىشىلەرنى كۆرسە، كىشىلەرنىڭ خۇرام ۋە- ئۆزىگە باشتا سالام قىلىشىنى، ئۆزى بىلەن كۆرۈشكۈچىنىڭ خۇشال مۇتەبەسسىم بولۇشىنى، ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىشقا كۇشادە- تىرىشىشىنى، مۇئامىلىدە ئۆزىگە كەڭ قول بولۇشىنى ۋە ئۆزىگە كەڭ جاي راسلاپ بېرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر بىرەر بىپەرۋا ئۆزىگە سەل قارىسا خۇددى يوشۇرۇن قىلغان ئىبادىتىگە باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ— . ئۇ ئەھۋال ئۇنىڭ قەلبىگە ئېغىر كېلىدۇ— قىلغاندەك

يوقلۇقىنىڭ- ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتا قىلغان ئىبادەتنىڭ بار پەرقى بولسىلا، رىيانىڭ مەخپىي شائىبىسىدىن خالىي بولمىغان بولىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئىبادەتنىڭ ئەجرىنى كېمەيتىۋېتىدۇ. بۇ خىل رىيادىن پەقەت سىددىقلارلا. ساقلىنالايدۇ

:ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھتىن رىۋايەت قىلىنىپتۇكى: «بىر ئابىد كىشى ھەمراھلىرىغا ‹بىز ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىزدىن شۇلار يۈزىدىن ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ ئايرىلدۇق. بىز مالدارغا ماللىرى سەۋەبلىك قونغان ھەددىدىن ئېشىشتىن بەكرەك، بىزگە ئابىدلىكتە ھەددىدىن ئېشىش قونۇشىدىن قورقىمىز. بەزى بىرلىرىمىز باشقىلار بىلەن ئۇچراشسا، دىنى سەۋەبلىك ئىززەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر بىرەر ھاجىتى بولسا، دىنىي ئابرۇيى ،سەۋەبلىك ئۇ ھاجىتىنىڭ ئادا قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىرنەرسە سېتىۋالسا. دىنىي مەرتىۋىسى سەۋەبلىك ئۇ نەرسىنىڭ ئەرزان بېرىلىشنى ئىستەيدۇ› دېدى شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپ پادىشاھىغا يەتتى. پادىشاھ ئابىد بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇلاغقا مىنىپ بىر توپ كىشىلەر بىلەن يولغا چىقتى، ھەتتا، ئالامان :كۆپلۈكىدىن تۈزلەڭلىك ۋە تاغنى بىر ئالغان ئىدى. ئابىد

— بۇ نېمە ئەھۋال؟ — دېگەنىدى، ئۇنىڭغا:

— پادىشاھ كەپتۇ — دېيىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ھەمراھىغا:

دېگەنىدى، ھەمراھى كۆكتات، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە— ! ماڭا تاماق كەلتۈرگىن— خورما يىلىمى كەلتۈردى. ئابىد بۇ تاماقنى ئىككى قۇۋزىنى لىق توشقۇزۇپ :قاتتىق ئاچكۆزلۈك بىلەن يېيىشكە باشلىدى. ئاندىن پادىشاھ

— سىلەرنىڭ ئابىد ھەمراھىڭلار قېنى؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— ) بۇ (كىشى، — دېدى. پادىشاھ:

— قانداقراق ئەھۋالىڭ؟ — دېگەنىدى، ئابىد:

دېدى — كىشىلەرگە ئوخشاش—

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ: ‹بۇ ئادەمنىڭ قېشىدا ياخشىلىق يوق› دېدى ۋە قايتىپ كەتتى. ئاندىن ئابىد: ‹پادىشاھنى مەندىن بىزار ھالەتتە قايتۇرغان.»ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن› دېدى

ئىخلاسمەن كىشىلەر دائىم يوشۇرۇن رىيادىن قورقىدۇ. كىشىلەرنى ياخشى ئەمەللىرىنى كۆرسەتمەي ئالداپ قويىدۇ. ياخشى ئەمەللىرىنى يامان ئىشلارنى يوشۇرغاندىن بەكرەك يوشۇرىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ، ئىخلاس بىلەن قىلغان ئەمەللىرى سەۋەبلىك مۇكاپات بېرىشى ئۈچۈن. ئەمەللىرىنىڭ خالىس بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىندۇر

. بىلمەي ئارىلىشىپ قېلىشى نىھايەتتە كۆپتۇر- مەخپىي رىيانىڭ بىلىپ

قاچانكى، ئىنسان ئۆز نەپسىدە كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمىلىنى كۆرۈشى بىلەن كۆرمەسلىكى ئارىسىدىكى پەرقنى سەزسە، ئۇنىڭدا رىيادىن بىر شاخچە بىخ سۈرگەن بولىدۇ. لېكىن، ئەمەلگە ئارىلاشقان رىيانىڭ ھەممىسى ئەجرنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ ۋە ئەمەلنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. قايسى رىيانىڭ ئەمەلنى بۇزىدىغانلىقى .ۋە ئەجرنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى تەپسىلاتلار بار

قىلغان ئىبادىتىنى باشقىلار بىلسە سۆيۈنمەيدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئەگەر ،«ئىبادىتىنى باشقىلار كۆرسە سۆيۈنۈشنىڭ ھەممىسى ئەيىبلىنەمدۇ؟» دېيىلسە جاۋابى شۇكى: «ئىبادىتىنى باشقىلار كۆرسە سۆيۈنۈش ماختىلىدىغان سۆيۈنۈش :»ۋە ئەيىبلىنىدىغان سۆيۈنۈش دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ

ئىبادىتىنى يوشۇرۇش ۋە- ماختىلىدىغان سۆيۈنۈش: كىشىنىڭ مەقسىتى تائەت، ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلىش بولسا، لېكىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىبادىتىنى كۆرگەندە ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىبادىتىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە گۈزەل تەرەپلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ ۋەجدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقى، ھەقتائالانىڭ ئۆزىگە نەزەر سالىدىغانلىقى ۋە مېھرىبانلىقى ئىبادەتلىرىنى ۋە- سەۋەبلىك سۆيۈنىدۇ. ئەسلىدە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تائەت ئىبادىتىنى ئاشكارا- مەئسىيەتلىرىنى ياپقان ئىدى. كېيىن ئۇنىڭ تائەت- گۇناھ مەئسىيىتىنى ياپتى. قەبىھ گۇناھلارنى يېپىش ۋە گۈزەل تەرىپىنى- قىلىپ، گۇناھ ئاشكارا قىلىشتىنمۇ چوڭ مېھرىبانلىق بولمايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ خۇشاللىقى ۋە سۆيۈنۈشى بۇ سەۋەبلىك بولىدۇ. ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ماختىغانلىقىغا ياكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە مەرتىۋە تىكلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئەمەس. ياكى بولمىسا ئۇ دۇنيادا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ يامان ئەمەللىرىنى يېپىپ، گۈزەل ئەمەللىرىنى ئاشكارا قىلىش بىلەن «ئاللاھ تائالا ماڭا ئاخىرەتتىمۇ شۇنداق قىلىدۇ» دېگەننى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ خۇشال بولسا، بۇ ھەم ماختىلىدۇ. چۈنكى شۇ مەنادا ھەدىس. كەلگەندۇر

ئەمما، ئۇنىڭ خۇشاللىقى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمىلىنى كۆرۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ نەزەرىدە مەرتىۋىگە ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشى، ئۇنى چوڭ بىلىشى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ بېرىشىدىن كەلگەن بولسا، بۇ ئەيىبلىنىدىغان. مەكرۇھتۇر

:ئەگەر ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان: بىر ئادەم: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىر ئادەم بىر ئەمەلنى مەخپىي قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ— دېگەنىدى، پەيغەمبەر— ئەمەلنى باشقىلار كۆرۈپ قالسا، ئۇنى خۇشال قىلىدۇ :سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

ئۇ ئادەمگە مەخپىي ۋە ئاشكارا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئەجىر— دېيىلسە، جاۋاب: بۇ- دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى نېمە؟» دېدى— بولىدۇ ھەدىس زەئىفتۇر. ئۇنى تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان. بەزى ئەھلى ئىلىملەر بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «سىلەر دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مەنىسى»ئاللاھنىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرى «كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق بىلەن ماختىغانلىقى ئۇنى خۇشال قىلغانلىقى» دەپ. چۈشەندۈرگەن، ئىمام مۇسلىم بىر ھەدىستە، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئېيتىپ بەرسىلىچۇ، بىر ئادەم بىر، ياخشى ئەمەلنى قىلسا ۋە ئۇنى كىشىلەر ماختىسا قانداق بولىدۇ؟» دېيىلگەنىدى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ بولسا مۇئمىننىڭ بېشارىتىنىڭ نەق ئېرىشىدىغىنىدۇر» دېدى

ئەمما، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەل قىلغانلىقىنى بىلگەنلىكى ۋە شۇ ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىكى كىشىنى خۇشال قىلسا، بۇ- ۋەجدىن ئۆزىگە ئىززەت. رىيادۇر

ئەمەلنى يوققا چىقىرىدىغان ۋە يوققا چىقارمايدىغان رىيا توغرىسىدا

بىر بەندىگە رىيا قىلسا، ئۇ رىيا ئىبادەتتىن كېيىن ياكى ئىبادەتتىن ئالدىن كەلگەن بولىدۇ. ئەگەر بىر بەندە ياخشى ئەمەلدىن بىرنى قىلىپ، ئەمىلىنى ئۆزى ،ئاشكارا قىلمىسىمۇ، ئۆزلىكىدىن ئاشكارا بولۇپ ئۇنىڭغا خۇشاللىق يەتكەن بولسا بۇ سۆيۈنۈش ئەمەلنى يوققا چىقارمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەمەل باشتىلا خالىس ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىندى. دېمەك، بىر ئەمەل ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خالىسانە تاماملانغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن سۆيۈنۈش كەبى ئىشلار ئۇنى توغرا ئەمەل بولۇشتىن بۇرۇۋەتمەيدۇ. قىلغان ئەمىلىنى ئۆزى ئاشكارا قىلمىغان ۋە

باشقىلارغا سۆزلىمىگەن بولسا، تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر ئەمىلىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى باشقىلارغا سۆزلىسە ۋە ئاشكارا قىلسا، ئۇ ئەمەل قورقۇنچلىق بىر ئەمەلدۇر. بۇنىڭدىن كىشىنىڭ قەلبىدە ئەمەلنى قىلغان ۋاقىتتىلا بىر تۈرلۈك رىيانىڭ بارلىقى بىلىنىدۇ. ئەگەر كىشى رىيا قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئەمىلىنى سۆزلىگەنلىكى ۋە ئاشكارا قىلغانلىقى ئۈچۈن قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابى كېمىيىپ دەرىجە70 كېتىدۇ. چۈنكى، ئاشكارا ئەمەل بىلەن يوشۇرۇن ئەمەلنىڭ ئارىسىدا. پەرق باردۇر

لېكىن، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئوقۇلغان ناماز كەبى ئىبادەتلەرنى تاماملاش ئالدىدا رىيا كىرگەن، ئەگەر رىيا پەقەت سۆيۈنۈش بولسا، ئۇ ئەمەلگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەگەر رىيا كىشىنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تۈرتكە بولغان رىيا بولسا بۇنداق— ئۆزىنى باشقىلار كۆرسۈن ئۈچۈن نامازنى ئۇزۇن ئوقۇغانغا ئوخشاش— .رىيا ئەمەلنى يوققا چىقىرىدۇ

نامازنى رىيا مەقسىتىدە باشلاپ ئوقۇغانغا ئوخشاش ئىبادەتكە باغلىنىپ كەلگەن، رىياغا كەلسەك، ئەگەر ئۇ كىشى نامازنى شۇ رىياكار ھالىتىدە تاماملىغان بولسا ئۇ ناماز ناماز ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر ناماز ئىچىدە تۇرۇپ قىلغان ئىشىغا پۇشايمان. قىلسا، ئۇ نامازنى باشتىن قايتا ئوقۇشى لازىم بولىدۇ ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

رىياكارلىقنىڭ دورىسى ۋە قەلبنى ئۇنىڭدىن داۋالاشنىڭ يولى

رىياكارلىقنىڭ ئەمەلنى بىكار قىلىۋەتكۈچى، ئاللاھ تائالانىڭ يامان كۆرۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئەمەل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھالاك قىلغۇچى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدىڭ. شۇڭا، رىياكار كىشى رىيادىن قول ئۈزۈش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق. قىلىشقا لايىقتۇر

رىيانى داۋالاشنىڭ رىيانىڭ شاخلىنىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان يان يىلتىزلىرىنى ۋە غول يىلتىزلىرىنى قومۇرۇپ تاشلاش ۋە قوزغلاغان رىيانى نەق. مەيداندا دەفئ قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى مەرتىۋىسى بولىدۇ

ئابرۇي ۋە مەرتىۋە كويىدا بولۇش- بىرىنچى مەرتىۋە: شۇنى بىلگىنكى، يۈز رىيانىڭ ئاساسىدۇر. بۇ سۆز تەپسىلى بايان قىلىنسا، ئۈچ ئاساسقا تايىنىدۇ. ئۇلار بولسا ماختىنىشنى ياخشى كۆرۈش، تەنقىدنى يامان كۆرۈش ۋە تەمەخورلۇقتىن. ئىبارەت. بۇنىڭ دەلىلى «سەھىھەين»دىكى ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدۇر ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى :ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ

، ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! بىر ئادەم باتۇرلۇق قىلىپ ئۇرۇشىدۇ— يەنە بىرى غەزىپى تاشقانلىقتىن ئۇرۇش قىلىدۇ، يەنە بىرى بولسا رىيا قىلىپ ، دېگەنىدى— ئۇرۇشىدۇ، بۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقان بولىدۇ؟ :پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسى ئەڭ ئالىي بولۇشى ئۈچۈن ئۇرۇش— .» دېدى— قىلسا، ئۇ كىشى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقان بولىدۇ

ئۇ كىشىنىڭ: «باتۇرلۇق قىلىپ ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: «كىشىلەر ئارىسىدا تىلغا ئېلىنىش ۋە ماختىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ :دېگەنلىكتۇر. «غەزىپى تاشقانلىقتىن ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى .«ئەيىبلىنىش ياكى يېڭىلىپ قېلىشتىن يىرگىنىپ ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەنلىكتۇر «رىيا قىلىپ ئۇرۇشىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى بولسا: «ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئابرۇي ۋە- كۆرۈلۈشى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەنلىكتۇر. بۇ بولسا يۈز. مەرتىۋىنىڭ قەلبلەردىكى لەززىتىدۇر

بەزىدە ئىنسان ماختىلىشنى خاھلىمايدۇ، ئەمما ئۇ قورقۇنچاقلاردەك تەنە- ئەيىبلىنىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. بەزىدە بەردەم تۇرىدۇ، ھەتتا تاپا بولمىسۇن دەپ قاچمايدۇ. بەزىدە ئىنسان بىلىمسزلىك بىلەن ئەيىبلىنىشتىن ئېھتىيات قىلىپ ئىلىمىسز ھالەتتە پەتۋا بېرىدۇ. دېمەك، بۇ ئۈچ ئىش ئىنساننى .رىيا قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ

بۇنى داۋالاشنىڭ يولى تۆۋەندىكىچە: ئەگەر ئىنسان بىرنەرسىنى ئۆزىگە «دەرھال ياكى كېيىنچە ياخشى ۋە مەنپەئەتلىك» دەپ ئويلىسا، ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ ۋە مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ نەرسىنىڭ نەق شۇ پەيتتە تاتلىق، لېكىن كېيىنچە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش ۋە قىزىقىشىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئاسان بولىدۇ. بۇ خۇددى ھەسەلنىڭ تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا زەھەر بارلىقى ئاشكارىلانغان ھامان ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەندەك بىر ئىش. شۇنىڭدەك بۇ قىزىقىشتا ئۇنىڭدىكى زىيانلارنىمۇ بىلىش كېرەك. يەنى قاچانكى، ئىنسان رىيانىڭ زىيانلىرىنى ۋە رىيا سەۋەبلىك قولدىن كېتىدىغان قەلبنىڭ ئوڭشىلىشى ۋە ئاخىرەتتىكى ئۈستۈن مەرتىۋە قاتارلىق ئىشلارنى

بىلسە ۋە يەنە دۇنيادا يولۇققۇسى كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش قايغۇنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن بىرگە، ئاخىرەتتە دۇچار- ۋەجىدىن غەم .)بولغۇسى ئازاب ۋە خارلىقلارنى بىلسە (ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش ئاسان بولىدۇ ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى رازى قىلىش يېتىپ بولماس بىر نىشاندۇر. چۈنكى، بىر. قىسىم ئىنسانلار رازى بولغان ئىشلارغا باشقا بىر تۈركۈم ئىنسانلار ئاچچىقلىنىدۇ ،كىمكى ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ رازى بولۇشىنى تەلەپ قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە غەزەپ قىلىدۇ ۋە باشقا ئىنسانلارنىمۇ ئۇنىڭغا غەزەپلەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ كىشى نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ مەدھىيەلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپىگە تەۋەككۈل قىلىدۇ؟! خالايىقنىڭ مەدھىيەسى رىزىقنى زىيادە قىلىپ، ئەجەلنى كېچىكتۈرەلمەيدۇ ۋە قاتتىق !موھتاجلىق كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھېچقانداق مەنپەئەت قىلمايدۇ شۇنىڭدەك كىشى نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىشىدىن قورقىدۇ؟ ،ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشى ئۇ كىشىگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ .نە ئەجىلىنى، نە رىزقىنى كېچىكتۈرەلمەيدۇ، چۈنكى پۈتۈن بەندىلەر ئاجىزدۇر «ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەفئ قىلالمايدۇ، ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدۇ»گە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى . ئەگەر بۇ نۇقتىلار كىشىنىڭ «25فۇرقان-3» (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ كۆڭلىدە جايلاشسا، كىشىدە رىيا قىلىشقا بولغان قىزىقىش ئاجىزلايدۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا قەلبى بىلەن يۈزلىنىدۇ. چۈنكى، ئەقىللىق كىشى ئۆزىگە زىيانلىق بولغان. ۋە مەنپەئەتى ئاز بولغان نەرسىگە قىزىقمايدۇ

تەمەخورلۇققا كەلسەك، بەندىدىن تەمە قىلىشنى ئاللاھ تائالانىڭ قەلبلەرنى بېرىش ۋە چەكلەش بىلەن بويسۇندۇرۇدىغانلىقىنى، ئاللاھتىن ئۆزگە رىزىق بەرگۈچىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىش بىلەن يوق قىلىش كېرەك. كىشىلەردىن تەمە قىلغان كىشى خارلىق ۋە نائۈمىد بولۇشتىن خالىي قالمايدۇ، ئەگەر مەقسىتىگە يەتكەن تەقدىردىمۇ مىننەت قىلىنىش ۋە خارلىنىشتىن خالىي بولمايدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن، بۇ تۈرلۈك قۇرۇق ئۈمىد ۋە خام خىياللار بىلەن قانداقمۇ ئاللاھ. تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋابنى تەرك ئەتكىلى بولسۇن

رىيانى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىلىرىدىن بىرى: ئىبادەتلەرنى يوشۇرۇشقا ئادەتلىنىش ۋە پاھىشە ئىشلار ئالدىدا ئىشىكلەر ئېتىلگەندەك، رىيا ئالدىدا ئىشىكلەرنى ئېتىشتۇر. چۈنكى، رىياغا ئەمەللەرنى يوشۇرۇشتىنمۇ پايدىلىق دورا يوقتۇر. بۇ دەسلەپتە قىيىن كېلىدۇ. ئىبادەتلەرنى يوشۇرۇشقا بىر مۇددەت ئۆزىنى بارا قىيىنلىقى ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا- زورلاپ سەبر قىلسا، بارا. ئاسانلىق بېرىدۇ. شۇڭا، بەندە بار كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق قىلىش كېرەك. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر

ئىككىنچى مەرتىۋە: ئىبادەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن رىيانى يوق قىلىش. بۇنى يوق قىلىشنىمۇ ئۆگىنىش لازىم. كىمكى نەپسىگە قارشى جىھاد قىلسا ۋە قەلبىدىكى رىيا كۆچەتلىرىنى قانائەتچانلىق ۋە نەپسىنى خارلاش، ماختىلىش ۋە ئەيىبلىنىشكە پىسەنت قىلماسلىق بىلەن قومۇرۇپ تاشلىسا، شەيتان ئۇنى ئىبادەت جەريانىدا يەنىلا تاشلىۋەتمەيدۇ. بەلكى ئۇنى تۈرلۈك خىياللار سېلىپ رىيا قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. ئەگەر كىشى قەلبىگە ئۆز ئىبادىتىنى خالايىققا بىلدۈرۈش ۋە ئاڭلىتىش ۋەسۋەسىسى كىرسە، كۆڭلىدە: «كىشىلەر سېنىڭ ئەمىلىڭنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، سېنىڭ نېمە ئىشىڭ، ئاللاھ سېنىڭ ئەھۋالىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ بىلگەن ئىكەن، باشقىلارنىڭ بىلىشى نەھاجەت؟!» دېيىش. بىلەن بۇ ۋەسۋەسىنى دەفئ قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك

ئەگەر كىشىدە ماختىلىش ئاپىتىگە قىزىقىش قوزغالسا، نەپسىگە رىيا ئاپەتلىرىنى ۋە يامان كۆرۈلۈشكە دۇچار بولۇشنى ئەسلەتسۇن. قىزىقىشقا يامان كۆرۈش بىلەن قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى، ئەمەللىرىنى باشقىلارنىڭ بىلگەنلىكىنى بىلىش قىزىقىشنى .قوزغايدۇ. رىيانىڭ ئاپەتلىرىنى بىلىش بولسا ئۇنى يامان كۆرۈشنى قوزغايدۇ

ئىبادەتلەرنى ئاشكارا قىلىشقا ۋە گۇناھلارنى يوشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان- تائەت تەرەپلەرنىڭ بايانى

شۇنداقلا گۇناھىنى كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشى ۋە ئەيىبلىشىنى خاھلىماسلىق توغرىسىدا

ئەۋۋەلا شۇنى بىلگىنكى، يوشۇرۇن ئەمەللەردە ئەمەلنى پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىش ۋە رىيادىن خالىي بولۇشتەك پايدا بار. ئاشكارا ئەمەللەردە بولسا باشقىلارنىڭ ئۇ ئەمەلگە ئەگىشىشى ۋە كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا. قىزىقتۇرۇش پايدىسى بار

ئەمەللەردىن ھەج ۋە جىھادقا ئوخشاش يوشۇرۇن قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان. ئەمەللەر بار

ئەمەلنى ئاشكارا قىلغۇچى ئۆز قەلبىدە يوشۇرۇن رىياغا مايىللىق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قەلبىنى كۆزەتكەي، قىلغان ئەمىلىگە باشقىلارنىڭ ئەگىشىشىنى .كۆزلىگەي. ئاجىز كىشى ئەمىلىنى ئاشكارا قىلىش بىلەن ئۆزىنى ئالدىمىسۇن چۈنكى، ئاجىز كىشى سۇ ئۈزۈشنى ياخشى بىلمىگەنلىكتىن غەرق بولغان كىشىگە

ئوخشايدۇ. ئۇ ئاجىز كىشى غەرق بولۇپ كېتىۋاتقان جامائەتنى كۆرسە، ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سۇغا سەكرەپ چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار. ئۇنىڭغا ئېسىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولىدۇ

كۈچلۈك، ھەر ئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان، نەزەرىدە ھەممە كىشى باراۋەر، بىراۋنىڭ ماختىشى ياكى ئەيىبلىشىگە پىسەنت قىلمايدىغان. مۇكەممەل كىشىگە كەلسەك، ئۇنداق كىشى ئەمىلىنى ئاشكارا قىلسا بولىدۇ چۈنكى، ياخشى ئىشقا قىزىقتۇرۇش ياخشى ئىشتۇر. سەلەف سالىھلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭمۇ ئەمىلىنى ئاشكارا قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئەگىشىشى ئۈچۈن بەزى گۈزەل ئەمەللىرىنى ئاشكارا. قىلاتتى ئۇلاردىن بىرى جان تەسلىم قىلىۋاتقاندا ئەھلىگە: «مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار مەئسىيەتكە ياتىدىغان بىرەر- چۈنكى، مەن مۇسۇلمان بولغاندىن بېرى گۇناھ. ئېغىز سۆز قىلىپ باقمىدىم» دېگەنىكەن.

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەيياش رەھىمەھۇللاھ ئوغلىغا مۇنداق دېگەن: «بۇ ھۇجرىدا مىڭ12 ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلانغىن. چۈنكى، مەن بۇ ھۇجرىدا.»قېتىم ‹خەتمە قۇرئان› قىلدىم. سەلەف سالىھلەرنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر

گۇناھلارنى يوشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان تەرەپلەرنىڭ بايانى

گۇناھىنى كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشى ۋە ئەيىبلىشىنى خاھلىماسلىق توغرىسىدا. كىشى بەزىدە خاتالىقنى يوشۇرۇشنى رىيا دەپ گۇمان قىلىشى مۇمكىن. ھەقىقەتتە ئۇ رىيا ئەمەستۇر. راستچىل كىشى گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى ياپىدۇ چۈنكى، ھەقتائالا گۇناھلارنى ئاشكارىلاشنى يامان كۆرىدۇ، ئەكسىچە يېپىشنى .ياخشى كۆرىدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى (ئاللاھ چەكلىگەن) بۇ چىركىن ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلىپ قالسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى ياپقاندەك ئۇمۇ

. دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ»(ئۇنى باشقىلاردىن) يوشۇرسۇن

كىشى گۇناھ قىلىپ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىسىمۇ، قەلبى ئاللاھ ياخشى .كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرۈشتىن خالىي بولمايدۇ. بۇ بولسا ئىماننىڭ كۈچىدىندۇر

گۇناھىنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى ھەم يامان كۆرۈش كېرەك. بۇ بولسا يامان. كۆرگۈچىدىكى راستچىللىقنىڭ ئالامىتىدۇر. كىشىلەر ئەيىب سانايدىغان ئەمەللەرنى قىلىشنى ھەم يامان كۆرۈشى كېرەك چۈنكى، باشقىلارنىڭ مالامىتى قەلبنى ۋە ئەقىلنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن ، تەنەدىن ئەزىيەت تارتىدۇ. شۇل بائىس- توسىدۇ. ئىنسان تەبىئىتى تاپا ماختىنىش ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ، قەلبنى مەشغۇل قىلىپ، زىكىردىن توسسا ماختىنىشنى يامان كۆرۈش كېرەك. بۇ ھەم ئىماننىڭ. كۈچلۈك بولغانلىقىدىندۇر

ئىبادەتلەرنى تەرك ئېتىشنىڭ بايانى- رىيا ۋە باشقا ئاپەتلەردىن قورقۇپ تائەت

، ئىبادەتنى قىلىشقا دىندىن ئۆزگە نەرسە تۈرتكە بولغان بولسا- ئەگەر تائەت ئۇنداق ئەمەلنى تەرك ئېتىش كېرەك. چۈنكى، ئۇ تائەت ئەمەس، بەلكى .مەئسىيەتتۇر

ئەگەر مەلۇم ئىبادەت دىننىڭ تۈرتكىسى بىلەن قىلىنغان بولسا ۋە ئۇ ئەمەل ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولسا، ئۇنى تەرك ئەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، ئۇ ئەمەلنى .قىلىشقا دىن تۈرتكە بولغاندۇر

شۇنداقلا، باشقىلارنىڭ «رىياكار» دەپ قېلىشدىن قورقۇپ قىلىدىغان ئەمەلنى . مىكرىدىندۇر- تەرك ئەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، ئۇ شەيتاننىڭ ھىيلە

ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «نامىزىڭدا شەيتان يېنىڭغا كېلىپ: ‹سەن رىياكارسەن› دەپ ۋەسۋەسە سالسا، نامازنى تېخىمۇ ئۇزۇن.»ئوقۇغىن

بەزى سەلەف سالىھلەرنىڭ رىيا بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئىبادەت قىلىشنى تەرك ئەتكەنلىكىگە كەلسەك، ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھتىن رىۋايەت قىلىنغاندەك: ئۇ قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا، بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئىبراھىم نەخەئىي قۇرئاننى يېپىۋېتىپ: قۇرئان ئوقۇشنى توختاتتى ۋە «بۇ ئادەم مېنى ھەر سائەتتە قۇرئان ئوقۇيدىكەن، دەپ ئويلاپ قالمىسۇن» دېدى. بۇ رىۋايەتتىن قارىغاندا ئۇلار كۆڭلىدە باشقىلارغا ئەمىلىنىڭ گۈزەل كۆرۈنۈپ قېلىشىنى .سەزگەنلىكىدىن ئەمىلىنى توختاتقان بولسا كېرەك

بەندىنىڭ ئەمىلىدىن كىشىلەرنىڭ كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك توغرا بولىدىغان ۋە توغرا بولمايدىغان ئىشلار

ئاللاھ تائالا: «بىر كىشى بەزىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيدىغانلار بىلەن بىرگە قونۇپ قالىدۇ، ئاندىن ئۇلار كېچىنىڭ كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىتى بىر سائەت قىيامدا تۇرۇش بولۇپ، ئۇلارغا قوشۇلغانىكەن ئۇزۇن كېچە قىيامدا تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ ياكى ئۇلار روزا تۇتسا ئۇ كىشىمۇ روزا تۇتىدۇ، ئۇ جامائەت بولمىسا ئىدى، ئۇ كىشى بۇنچە تېتىك بولمايتتى. بەزىلەر بۇنى رىيا دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ مۇتلەق رىيا دېيىلمەيدۇ. بەلكى بۇنىڭ رىيا بولىدىغان ۋە رىيا بولمايدىغان تەرەپلىرى باردۇر غا ئىبادەت قىلىشقا قىزىقىدىغان، لېكىن بەزى توسالغۇلار تۈپەيلى ۋە غەپلەت، مەھكۇمى ھەرقانداق مۇئمىن بەزىدە باشقىلارنى كۆرسە غەپلەتتىن قۇتۇلۇپ توسالغۇلار كۆتۈرۈلىدۇ. چۈنكى، كىشى ئۆز ئۆيىدە بولسا يۇمشاق تۆشەكتە ئۇخلاشقا ۋە ئايالى بىلەن ھۇزۇرلىنىشقا قادىر بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ناتونۇش بىر يەردە قونۇپ قالسا، بۇ پاراغەتلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۇنى ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەيدىغان سەۋەبلەر ھاسىل بولىدۇ. ئىبادەت قىلغۇچىلارنى كۆرۈش شۇ ئىچمەك موللىقىدىن- سەۋەبلەر جۈملىسىدىندۇر. بەزىدە كىشى ئۆز ئۆيىدە يېمەك روزا تۇتالمايدۇ، ئۆزگە ئۆيىدە بولسا ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭدەك. ئەھۋاللار شەيتان ئىنساننى ئىبادەت قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ »شەيتان ئۇنىڭغا: «سەن ئۆز ئادىتىڭدىن باشقا ئىش قىلساڭ، رىياكار بولىسەن، دەپ ۋەسۋەسە سالىدۇ. كىشى پەقەت ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسىتىگە نەزەر سېلىشى .شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە باقماسلىقى كېرەك». ئۆزى كىشىلەرنى كۆرىدىغان، ئەمما كىشىلەر ئۆزىنى كۆرمەيدىغان بىر ئورۇندا «يېنىدا كىشىلەر بار» دەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى سىناپ بېقىشى، ئەگەر نەپسىنى ئىبادەتكە بېرىلگەن ھالەتتە كۆرسە، ئۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئەگەر بېرىلمىسە، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئىبادەتكە بېرىلىشى رىيا بولىدۇ. باشقا ئىشلارنىمۇ .مۇشۇ تەرىقىدە ئايرىسا بولىدۇ

مانا بۇلار رىيا ئاپەتلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر. سەن بۇ ئاپەتلەر توغرۇلۇق تېخىمۇ

چوڭقۇر ئىزدەنگىن، نىيىتىڭنى يوقلاپ تۇرغىن. چۈنكى، رىيا چۈمۈلىنىڭ. ماڭغىنىدىنمۇ يوشۇرۇندۇر

ئىبادەتلىرىنى- ئاللاھ رازىلىقىنى ئىرادە قىلغۇچى ئۆزىنىڭ بارلىق تائەت. ئاللاھ تائالانىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا قەلبىنى قانائەت قىلىشقا زورلىشى لازىم

كەينىدە ۋە ئەمەل- ئاللاھ رازىلىقىنى ئىرادە قىلغۇچىنىڭ ئەمەلنىڭ ئالدى قىلىۋاتقاندا نەپسىگە لازىم بولىدىغان سۈپەتلەرنىڭ بايانى

بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورققان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىنى ئۈمىد قىلغان كىشىلا قانائەت قىلىدۇ. ئاللاھ رازىلىقنى ئىرادە قىلغۇچى «ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەشكە پەقەت كۈچلۈك كىشىلەرلا قادىر بولالايدۇ، مەن بولسام »ياخشى ئىشلار بىلەن يامان ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلىدىغان كىشىلەردىنمەن دەپ قېلىپ ئۆز نەپسىنى ھەر ئىشنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىشتىن ئىبارەت ئىخلاس قىلىشتىن ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكى كېرەك ۋە ئىخلاس سۈپىتىنى ھاسىل قىلىشنى تاشلىماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ياخشى ۋە يامان ئەمەلنى ئارىلاشتۇرۇپ. قىلىدىغان كىشى ئىخلاس سۈپىتىگە تېخىمۇ موھتاجدۇر

مەرىپەتنى- ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىلىم، سەمئان دېيىلىدىغان بىر راھىبتىن ئۆگەندىم. مەن ئۇنىڭ چېركاۋىغا كىرىپ :ئۇنىڭغا

— سەن بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟ — دېگەنىدىم، ئۇ:

دېدى — يىل بولدى70 —

سەن نېمە يەيسەن؟—

. ھەر كېچىسى بىر تال پۇرچاق—

شۇ بىر تال پۇرچاقنىڭ كۇپايە بولۇشى ئۈچۈن قەلبىڭنى بويسۇندۇرغان— نەرسە نېمە؟

مۇنۇ ئۇدۇلۇڭدىكى چېركاۋنى كۆردۈڭمۇ؟—

. ھەئە—

ناسارالار مېنىڭ يېنىمغا ھەر يىلى بىر قېتىم كېلىدۇ ۋە ئىبادەتخانامنى— زىننەتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تاۋاپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇلار مېنى ئۇلۇغلايدۇ. قاچانكى نەپسىم ئىبادەت قىلىشقا ئېغىرلىق قىلسا، مەن

نەپسىمگە شۇ سائەتتىكى ئەزىزىلىكنى ئەسلىتىمەن. مەن شۇ بىر سائەتلىك ئەزىزلىك ئۈچۈن بىر يىل قىيىنچىلىققا سەبر قىلىمەن. شۇڭا، سەنمۇ ئى .مۇسۇلمان! مەڭگۈلۈك ئەزىزلىك ئۈچۈن بىر سائەتلىك قىيىنچىلىقنى كۆتۈرگىن . مەرىپەت ئىز قالدۇردى- نەتىجىدە قەلبىمدە بۇ ئىلىم

ئۇ:

— يەنە سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ — دېگەنىدى، مەن: — ماقۇل — دېدىم. ئۇ ماڭا: — قېنى چېركاۋدىن چۈشكىن — دېدى. مەن چېركاۋدىن چۈشتۈم، ئۇ ماڭا ئىچىگە 20 تال پۇرچاق سېلىنغان بىر تۇلۇمنى تاشلىدى، ئاندىن ماڭا:

— ئاۋۇ ئىبادەتخانىغا كىرگىن، ئۇلار مەن ساڭا تاشلاپ بەرگەن نەرسىنى كۆردى — دېدى. مەن چېركاۋغا كىرىۋېدىم، خىرىستىئانلار يىغىلدى ۋە: — ئى مۇسۇلمان! راھىب ساڭا نېمە تاشلاپ بەردى؟ — دېگەنىدى، مەن: — ئۆزىنىڭ ئوزۇقىدىن ئازراق نەرسە تاشلاپ بەردى — دېدىم. ئۇلار: — ئۇنى سەن نېمە قىلىسەن، بىز ئۇنىڭغا بەكرەك ئېھتىياجلىق، ئۇنى بىزگە سېتىپ بەرگىن — دېدى. مەن: — 20 تىللا — دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا 20 تىللا بەردى. مەن راھىبنىڭ يېنىغا قايتىپ باردىم، ئۇ:

— سەن خاتالاشتىڭ، ئەگەر سەن ئۇلارغا ئۇنى 20 مىڭ تىللاغا سودىلاشقان بولساڭمۇ ئۇلار ئۇنى ئالاتتى. بۇ بولسا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلمايدىغان كىشىنىڭ ئەزىزلىكىدۇر، ئۇنداقتا ‹ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىنىڭ ئەزىزلىكى قانداق بولىدۇ؟› ئۇنىڭغا قارىغىن! ئى مۇسۇلمان! پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلىشقا يۈزلەنگىن — دېدى. بۇنىڭدىن ئايان بولدىكى، ئىنسانلار نەپسلىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىدە ئۇلۇغلىنىش ئەزىزىلىكىنى سەزسە، كىشىلەردىن خالىي خىلۋەتتە بولىدۇ. بۇ بۈيۈك ئاپەتتۇر. بۇ ئاپەتتىن سالامەت قېلىشنىڭ ئالامىتى بولسا: كىشى ھايۋانلار بىلەن ئادەملەرگە باراۋەر نەزەردە قارىشى ۋە قىلغان ئەمىلى زېمىن ئۈستىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم يوقتەك ئەمەل قىلىدىغان كىشىنىڭ ئەمىلىدەك بولۇشى كېرەك. ئاندىن ئۇنىڭغا ئاجىز ۋەسۋەسىلەر كىرسە ئۇنى قايتۇرالايدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىزاھاتلار:

  • . شەدداد6411( ،»)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان6998( ،»تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر )508 ،»ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە
  • 2965( مۇسلىم
  • ،»)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان4179( ،»)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر23686( ئەھمەد :). مەھمۇد ئىبنى لەبىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار6412(
  • مۇسلىم (91).
  • ) «زەئىف4787 ،») «ھەسەن، غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ2384( تىرمىزىي. دېگەن»
  • 949( )؛ مۇسلىم1367( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي

يىگىرمىنچى بۆلۈم: تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى

بۆلۈم: “يىگىرمىنچى بۆلۈم: تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى”

تەكەببۇرلۇقنىڭ بايانى

بۇ ئىككى پەسىلدۇر:

بىرىنچى پەسىل: تەكەببۇرلۇق قىلىشنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمنى چۈشىنىشتىن يىراقلاشتۇرىمەن» «7ئەئراف-146»، «ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ» «16نەھل-23».

ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بار ئادەم.»جەننەتكە كىرمەيدۇ

«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئېيتتى: مەن تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق قىلغۇچىلارغا.»خاس قىلىندىم

ئاللاھ رەسۇلى يەنە: «زالىملار ۋە مۇتەكەببىرلەر قىيامەت كۈنى كىچىككىنە قىزىل چۈمۈلە سۈرىتىدە ھەشىر قىلىنىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئەرزىمەس بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇلارنى دەسسەيدۇ» دېگەن.

سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «كۆڭلى تارتقانلىقتىن مەئسىيەت قىلىپ قالغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ئۈمىدۋار بولغىن! چۈنكى، ئادەم ئەلەيھىسسالام كۆڭلى تارتقانلىقتىن (دەرەختىن يەپ) مەئسىيەت قىلىپ سېلىۋىدى، شۇ ھامان مەغپىرەت قىلىندى. قىلمىشى تەكەببۇرلۇقتىن بولسا، ئۇنىڭغا لەنەت قىلىنىشتىن قورققىن! چۈنكى، ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغانىدى، شۇ ھامان لەنەت قىلىندى».

:«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

كىمكى كىيىمىنى تەكەببۇرلۇق قىلىپ سۆرەشتۈرۈپ كىيسە، قىيامەت كۈنى— : دېگەنىدى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ— ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا قارىمايدۇ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ ئىزارىمنىڭ بىر پېشى دىققەت قىلمىسام— دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى— سۆرۈلۈپ قالىدۇ :ۋەسەللەم

— سەن ئۇنى تەكەببۇرلۇق بىلەن قىلىدىغان كىشىلەردىن ئەمەسسەن— .دېدى

تەكەببۇرلۇقنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ ئاپىتى توغرىسىدا

شۇنى بىلگىنكى، تەكەببۇلۇق يوشۇرۇن خۇلق بولۇپ، ئۇ خۇلقتىن تەكەببۇرلۇق ئەكس ئەتكۈچى ئەمەللەر سادىر بولىدۇ. ئاندىن ئۇ ئەمەللەر بەدەندىكى ئەزالاردا. ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇ يوشۇرۇن خۇلق بولسا بىراۋدىن ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈشتۇر . ئۆزىنى مۇكەممەل چاغلاپ، باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ- يەنى كىشى ئۆز. شۇندا ئۇ كىشى مۇتەكەببىر ھېسابلىنىدۇ لاعجب) ئايرىلىدۇ( بۇ نۇقتىدىن تەكەببۇرلۇق ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتىن چۈنكى، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ئۆزىگە تەمەننا قويغۇچىدىن باشقا بىر كىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ھەتتا ئىنسان ئۆزى يالغۇز يارىتىلغان تەقدىردىمۇ ئۆزىگە تەمەننا قويغۇچى بولۇشى تامامەن مۇمكىن. ئەمما، باشقىلار بىلەن بولغاندا ۋە ئۆزىنى ،باشقىلاردىن يۇقىرى كۆرگەندە، ئاندىن تەكەببۇرلۇق تۇغۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئىنسان قاچانكى ئۆزىنى چوڭ ساناش نەزەرى بىلەن قارىسا، ئۆزىدىن تۆۋەنرەك كىشىلەرنى تۆۋەن كۆرىدۇ، پەس كۆرىدۇ. بۇنداق تەكەببۇرانە قاراش بەئەينى .خەلق ئاممىسىنى نادان ساناپ ۋە تۆۋەن كۆرۈپ ئېشەككە قارىغاندەك قاراشتۇر.

تەكەببۇرلۇقنىڭ ئاپىتى چوڭدۇر. تەكەببۇرلۇق بىلەن سەرخىل كىشىلەرمۇ .ھالاك بولىدۇ. ئابىدلار، زاھىدلار ۋە ئالىملارمۇ تەكەببۇرلۇقتىن ساقلىنالمايدۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ ئاپىتى قانداقمۇ چوڭ بولمىسۇن؟! چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەلبىدە زەررىچىلىك تەكەببۇرلۇق بولغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دەپ خەۋەر بەردى

تەكەببۇرلۇق شۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتكە كىرىشىتىن توسقۇچى پەردە بولۇپ قالىدۇكى، تەكەببۇرلۇق بەندە بىلەن مۇئمىنگە خاس ئەخلاقلارنىڭ ئارىسىدا توسالغۇ بولىدۇ. چۈنكى، تەكەببۇر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى - مۇئمىنلەر ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرەلمەيدۇ. نەتىجىدە كەمتەر بولۇشقا، ھەسەت ئاداۋەت ۋە غەزەپلىنىشنى تاشلاشقا، ئاچچىقىنى يۇتۇشقا ۋە نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. كىشىلەرنى پەس كۆرۈش ۋە غەيۋەت قىلىشتىن. ساقلىنالمايدۇ. ئەيىب كۆرۈلىدىغان بارچە خۇلقلارنى مەجبۇرىي قىلىدۇ

تەكەببۇرلۇق تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يامانلىرىدىن بىرى: باشقىلارنىڭ ئىلمىدىن پايدا. ئېلىش، ھەقنى قوبۇل قىلىش ۋە ھەقكە بويسۇنۇشتىن توسىدىغان تەكەببۇرلۇقتۇر

مەرىپەتكە ئېرىشىدۇ. لېكىن، نەپسى ھەقكە- بەزىدە تەكەببۇر كىشى ئىلىم بويسۇنۇشقا ئىتائەت قىلمايدۇ. خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە «ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم :دېگىنىدەك ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن» «27نەمل-14». «ئۇلار: ‹بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددىي ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ (قۇلغا ئوخشاش) خىزمەتچىلىرىمىزدۇر› دېيىشتى» «23مۇئمىنۇن-47». «ئۇلار: ‹سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان› دېدى» «14ئىبراھىم-10».

بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر كۆپتۇر. مانا بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىغا قارشى .تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقتۇر

بەندىلەرگە تەكەببۇرلۇق قىلىشنىڭ ئۇلارنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە ئۆزىنى ئۇلاردىن چوڭ تۇتۇش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۆزلەندى. ئىبلىسنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا قارىتا چوڭچىلىق قىلىشى ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقىغا بويسۇنماسلىققا ئېلىپ بارغىنىدەك، بۇ خىل تەكەببۇرلۇق ھەم ئىنساننى .ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا چوڭچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەكەببۇرلۇقنى چۈشەندۈرۈپ:

«تەكەببۇرلۇق دېگەن ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىش ۋە باشقىلارنى .تۆۋەن كۆرۈشتۇر» دېگەن

. يەنى كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئۇلارنى مەنسىتمەسلىكتۇر

ئالىملار ۋە ئابىدلارنىڭ تەكەببۇرلۇق ئاپىتى ھەققىدىكى دەرىجىلىرى

شۇنى ياخشى بىلگىنكى، ئالىملار ۋە ئابىدلارنىڭ چوڭچىلىق قىلىشنىڭ ئاپىتى :بىرنەچچە دەرىجە بولىدۇ

بىرىنچى دەرىجە: ئالىم ۋە يا ئابىد بىر كىشىنىڭ قەلبىدە تەكەببۇرلۇق يەرلەشكەن بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنى باشقىلاردىن ياخشى، دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ ۋە كەمتەرلىك قىلىدۇ. مانا بۇنداق كىشى قەلبىدە تەكەببۇرلۇق دەرىخى ئۈنگەن، لېكىن ئۆزى ئۇنىڭ شاخلىرىنى كېسىۋەتكەن كىشىگە ئوخشاش. بولىدۇ

ئىككىنچى دەرىجە: بىراۋ سورۇنلاردا تۆرگە ئۆتۈۋېلىش، تەڭتۇشلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىۋېلىش ۋە ئۆزىگە قارىتا قۇسۇر ئۆتكۈزگەن كىشىگە كايىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن تەكەببۇرلۇقىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇنداق ئالىمنى- ئىش تەكەببۇرلۇق بىلەن كىشىلەردىن يۈز ئۆرىگەندەك قىلىپ مەڭزىنى باشقا ياققا بۇرىغانلىقىنى، ئۇنداق ئابىدنى بولسا كىشىلەردىن يىرگىنگەندەك تەرىنى تۈرگەن ھالەتتە كۆرىسەن. بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە .ئۆگەتكەن ئەدەبنى بىلمىگەن كىشىدۇر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن!» «26شۇئەرائ-215»

ئۈچىنچى دەرىجە: قۇرۇق دەۋا، ماختىنىش، ئۆزىنى ئاق چاغلاش ۋە ئۆز ئەھۋالىنى باشقىلارغا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىش قاتارلىقلار بىلەن. تەكەببۇرلۇقىنى تىلى ئارقىلىق ئاشكارا قىلىش

دۇنيا ئىشلىرىدىن تەكەببۇرلۇق قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ بايانى

نەسەبى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلىش. نەسەبى ئۇلۇغ بولغان كىشى ئۆزىچىلىك ئىبادەتتە يۈكسەك بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا– نەسەبتە بولمىغان كىشىنى ئەمەل. يۇقىرىقى ھەدىس. تۆۋەن كۆرىدۇ

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە: ‹مەن سەندىن بەكرەك ئېسىلمەن› دەيدۇ. ھالبۇكى، ھېچكىم ھېچكىمدىن بەك ئېسىل :ئەمەس. ئېسىللىك پەقەت تەقۋالىق بىلەنلا بولىدۇ» دېگەن. ئاللاھ تائالا «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن، ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر . دەيدۇ» «49ھۇجۇرات-13» ھەممىدىن خەۋەرداردۇر

قۇۋۋەت ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى- مۈلك، گۈزەللىك، كۈچ- ) مال2 .بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلىش

مۈلك بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلىش پادىشاھلار ۋە سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا- مال. كۆپ يۈز بېرىدۇ

گۈزەللىك بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلىش ئاياللار ئارىسىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇ بىرىنى ئەيىبلەش، غەيۋەت قىلىش ۋە ئەيىبلىرىنى- تەكەببۇرلۇق ئۇلارنى بىر. تىلغا ئېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ

،ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ياردەمچىلىرى سەۋەبلىك تەكەببۇرلۇق قىلىشقا كەلسەك پادىشاھلارنىڭ ئۆزئارا ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن پەخىرلىنىشى، ئالىملارئارا. بولسا ئىلمىدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پەخىرلىنىش بىلەن بولىدۇ

خۇلاسە كالام، «مۇكەممەللىك» دەپ ئىشىنىش مۇمكىن بولىدىغان ھەرقانداق. نەرسە ئۆزى مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلىش مۇمكىندۇر ھەتتا پاسىق كۆپ ھاراق ئىچىش ۋە گۇناھنى كۆپ قىلىشنى «مۇكەممەللىك» دەپ. گۇمان قىلىپ ئىپتىخارلىنىدۇ

كەمتەر كىشىلەرنىڭ ئەخلاقلىرى، كەمتەرلىك ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىشنىڭ ئاشكارا ئالامەتلىرى

شۇنى ياخشى بىلگىنكى، تەكەببۇرلۇق بىر كىشىنىڭ يۈزىنى باشقىلاردىن بۇرىشى، كىشىلەرگە ئالىيىپ قارىشى، بېشىنى تۆۋەن سېلىشى، باداشقان قۇرۇپ ياكى يۆلىنىپ ئولتۇرۇشى، سۆزلىرىدە، ھەتتا ئاۋازى، ئاھاڭىدا ۋە سۆز مەنىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك مېڭىش، غادىيىۋېلىش، ئۆرە كېلىش- تۇرۇش، ئولتۇرۇش، ھەرىكەت قىلىش، شۈك تۇرۇش ۋە باشقا بېرىپ. ھەرىكەتلىرىدە ئاشكارا بولىدۇ

تەكەببۇر كىشىنىڭ بىر سۈپىتى باشقىلارنىڭ ئۆز ھۇزۇرىدا ئۆرە تۇرۇشىنى .ياخشى كۆرۈشىدۇر

ئۆرە تۇرۇش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: ئۆزى ئولتۇرۇۋېلىپ، بېشىدا باشقىلارنىڭ ئۆرە تۇرۇشى. بۇ خىل. ئۆرە تۇرۇشتىن چەكلىنىدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى كىشىلەرنىڭ.»ئۆرە تۇرۇپ ھۆرمەت قىلىشىنى ئارزۇلىسا، دوزاختىن ئورۇن ئالسۇن. بۇ خىل ھالەتتە تۇرۇش ئەجەملەرنىڭ ۋە چوڭچى كىشىلەرنىڭ ئادىتىدۇر

ئىككىنچى: بىرەر ئادەم كەلگەن چاغدا ئورنىدىن تۇرۇش. سەلەف سالىھلەر. بۇنى قىلمىغان ئىدى

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ سۆيۈملۈكرەك بىر كىشى يوق ئىدى. ساھابەلەر رەسۇلۇللاھنى كۆرسە، ئۇ زات يامان كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ھۆرمەت يۈزىدىن.»ئورنىدىن تۇرمايتتى

ئانىغا، ئادىل خەلىپىگە ۋە پەزىلەتلىك- ئالىملار مۇنداق دېگەن: ئاتا كىشىلەرگە ئورنىدىن تۇرۇش مۇستەھەبتۇر. بۇ ئەردەملىك كىشىلەرنىڭ، ئالامەتلىرىدىندۇر. كىشى ئورنىدىن تۇرۇشقا مۇناسىپ كىشىگە ئورنىدىن تۇرمىسا ئۇ كىشى ئورنىدىن تۇرمىغان كىشىنى «ئۇ مېنى ھۆرمەتلىمىدى» دەپ بۇنى بىھۆرمەتلىك ۋە ئۆزىگە قىلىنغان ئەدەبسىزلىك دەپ قارىشى مۇمكىن، نەتىجىدە بۇ .ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ

،بۇنىڭ ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۆرە تۇرىدىغان كىشى ئۈچۈن مۇستەھەب بولۇشى »ھۆرمەتلەنگەن كىشىنىڭ بۇنى ياقتۇرماسلىقى ۋە «مەن بۇنىڭغا لايىق ئەمەس. دەپ ئويلىشى كېرەكلىكىنى توسۇپ قويمايدۇ

مۇتەكەببىرنىڭ سۈپەتلىرىدىن: تەكەببۇر كىشى ماڭسا، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ

كەينىدىرەك مېڭىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

يەنە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھېچكىمنى يوقلىمايدۇ.

ۋە يەنە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مېڭىشى ياكى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشىنى .يامان كۆرىدۇ

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: «مەدىنەلىكلەرنىڭ دېدەكلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇ زاتنى (بىرەر.»ئىشىنى ھەل قىلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن) خاھلىغان يېرىگە ئېلىپ باراتتى

،ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ: «مەن ئابدۇلئەزىز ئىبنى رەۋۋادنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم مېنىڭ يوتام ئۇنىڭ يوتىسىغا تېگىپ تۇراتتى، مەن ئۆزۈمنى سەل تارتسام، ئۇ مېنىڭ كىيمىمنى تۇتۇپ، مېنى ئۆزى تەرەپكە تارتىپ: ‹سىلەر ماڭا نېمە ئۈچۈن زالىملارغا مۇئامىلە قىلغاندەك قىلىسىلەر؟! مەن ئىچىڭلاردا مەندىنمۇ يامان ئادەم. يوق دەپ قارايمەن› دېدى» دەيدۇ. تەكەببۇر كىشىنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى: ئۆيىدە ھېچ ئىشقا قول تىقماسلىق. بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننتىگە خىلاپتۇر.

كېرەكلىرىنى- تەكەببۇر كىشىنىڭ سۈپەتلىرىدىن يەنە بىرى: ئۆز نەرسە بازاردىن ئۆيىگە كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلمەسلىك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى .ۋەسەللەم بىرنەرسىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەختلەرنى بازارغا ئاپىرىپ تىجارەت قىلاتتى

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ گۆش سېتىۋېلىپ، ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۆز قولى .بىلەن ئېسىپ قويغان ئىدى

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خورما سېتىۋېلىپ، ئۇنى بىر بوغچىدا كۆتۈرۈپ ئېلىپ :ماڭغان ئىدى، بىر كىشى

— مەن كۆتۈرەيمۇ؟ — دېگەندە، ئۇ:

— ياق! بۇنى كۆتۈرۈشكە بۇنى يەيدىغان بالىلارنىڭ دادىسى ئەڭ لايىق — دېدى.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى بازاردىن بىر باغلام ئوتۇن كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە شۇ كۈنلەردە خەلىفە مەرۋاننىڭ ۋالىيسى بولۇپ، ئۇ . پوش، ئەمىرگە يول بېرىڭ!» دېگەن ئىدى- بىر ئادەمگە: «پوش

كىمكى تەكەببۇرلۇقىنى يوقاتماقچى ۋە كەمتەر بولماقچى بولسا، نەبىي ئىزلىرىنى ئۈلگە ئالسۇن. بۇ ھەقتە- سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش .«تىرىكچىلىكنىڭ ئەدەبلىرى» دېگەن تېمىدا ئىشارەت قىلىندى

تەكەببۇرلۇقنىڭ داۋاسى ۋە كەمتەرلىككە ئېرىشىشنىڭ بايانى شۇنى بىلگىنكى، مۇتەكەببىرلىك ھالاك قىلغۇچى ئىشلاردىن بىرىدۇر :تەكەببۇرلۇقنى داۋالاش پەرز ئەيندۇر ۋە ئۇنى داۋالاشتا ساڭا ئىككى مەرتىۋە بار.

بىرىنچى: تەكەببۇرلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش. بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنى ۋە .پەرۋەردىگارىنى تونۇشى بىلەن بولىدۇ

ئىنسان ئۆزىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇسا، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق خار مەخلۇقتىنمۇ ،بەك خار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ يوقلۇقتىن بار بولۇشتا ئەزەلدە تۇپراق، ئاندىن مەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن بىر پارچە گۆش بولۇپ ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان، ھېس قىلمايدىغان ۋە ھەرىكەتلەنمەيدىغان جانسىز بىرنەرسە ھالىتىدىن تىلغا ئېلىنىدىغان بىرنەرسىگە ئايلانغانلىقىنى، ھاياتلىقتىن ئالدىن ئۆلۈمنىڭ، كۈچتۈڭگۈرلۈكتىن ئاۋۋال ئاجىزلىقنىڭ ۋە باياشاتلىقتىن بۇرۇن. نامراتلىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلىشى كۇپايە قىلىدۇ

ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئىشارەت قىلغان: «(ئاللاھ ئۇنى) نېمىدىن ياراتتى؟ ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغۇچە) ئاللاھ ئۇنى بىرقانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىنپەي ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا (ماڭار) يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى» «80ئەبەسە-18-20»، ۋە: «شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق» «76ئىنسان-2» دېگەن. ، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئۆلۈكلۈك (يوقلۇق) ھالىتىدىن تىرىلدۈردى ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئەڭ چىرايلىق قىلدى. ئۇنى دۇنياغا چىقاردى، ئۇنى يېمەك بېرىپ تويغۇزدى، ئىچمەك بېرىپ قاندۇردى، ئۇنىڭغا كىيىم بەردى، ھىدايەت. قىلدى ۋە كۈچلەندۈردى

!ئەسلى بۇ تۇرۇپ، ئىنسان قايسى يۈزى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلار ۋە ماختىنار؟

ئەگەر ئىنسان دۇنيادا ئۆز خاھىشى بويىچە ياشىسا ئىدى، ئۇ ئەلبەتتە بىرىگە زىت خىلىتلار، قورقۇنچلۇق- ھەددىدىن ئاشاتتى. بەلكى ئۇنى بىر كېسەللىكلەر چىرمىغان، نەۋقىرانلىققا يەتكەندە ئۇشتۇمتۇت ئاجىزلىشىپ، يىقىلغان ، زىيان يەتكۈزىدىغان ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ- بولاتتى. ئىنسان ئۆزىگە پايدا بىرنەرسىنى يادقا ئالسا ئۇنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. نېمىنى لەززەتلىك ھېس قىلسا، ئۇ نەرسە ئۇنى ھالاك قىلىدۇ، نېمىنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئاندىن ئۇ بىمەھەل ئۆلۈمدىن ئەمىن بولالمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئوتتۇرا ھالىتىدۇر. ئالدىدا. سۆزلەنگىنى بولسا ئۇنىڭ دەسلەپتىكى ھالىتىدۇر

ئۇنىڭ ئاخىرقى ھالىتىگە كەلسەك، ئۆلۈم ئۇنى ئىلگىرىكى جانسىز ھالىتىگە قايتۇرىدۇ، ئاندىن ئۇنى تۇپراققا تاشلاپ سېسىق تاپقا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى چىرىيدۇ، سۆڭەكلىرى بۇزۇلىدۇ، تېنىنى قۇرتلار يەيدۇ ۋە سۆڭەكلىرى ساپلا خىش قويۇلۇپ،) بىنالار سېلىنىدىغان تۇپراققا- قاچىلار ياسىلىدىغان، (كېسەك. ئايلىنىدۇ

چىرىپ ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن، ئۇنىڭ تارقىلىپ كەتكەن ئەزالىرى توپلىنىدۇ، ئۇ ئىنسان تىرىلىپ مەھشەر مەيدانىغا ھازىر بولىدۇ. ئۆزگەرتىلگەن زېمىنلارنى، سەيرى قىلدۇرۇلغان تاغلارنى، يېرىلغان ئاسماننى، تۆكۈلگەن قاراڭغۇلۇقنى، دوزاخنىڭ- يۇلتۇزلارنى، نۇرى ئۆچۈرۈلگەن قۇياشنى، زۇلمەت - «نامە : پەريادىنى ۋە يېيىلغان ئەمەل دەپتەرلىرىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭغا- نلاە ئەمەلىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە (يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا) ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ يېتەرلىكتۇر» «17ئىسرا-14»، دېيىلىدۇ

،ئۇ ئىنسان: «بۇ نېمە كىتاب؟» دەيدۇ. ئۇنىڭغا: «سەن خۇشال بولغان، نېئمەتلىرى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھاياتىڭدا، ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن ، ئىچكىنىڭنى- سەن سۆزلىگەن ۋە ئەمەل قىلغان نەرسىلىرىڭنى، يېگەن قوپقىنىڭنى يازىدىغان ئىككى پەرىشتە ساڭا مۇئەككەل قىلىنغان-ئولتۇرۇپ. ئىدى، سەن ئۇ ئەمەللەرنى ئۇنۇتتۇڭ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ھېسابلاپ قويغاندۇر شۇ قىلغان ئەمەللىرىڭگە ھېساب بېرىش ئۈچۈن كەلگىن ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب تەييار قىلغىن، ئەگەر جاۋاپ بېرەلمىسەڭ، دوزاخقا ھەيدىلىسەن» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ. ئۈچۈن، بۇ ئەھۋالدىكى ئىنسان تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ ئەگەر ئۇ ئىنسان دوزاخقا كىرسە، ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭدىن ياخشىراق ھالدىدۇر چۈنكى، ھايۋانلار تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇ ئەھۋالدىكى ۋە خاتالىقلىرىنى قىلماسلىقىدىن دەرگۇمان ئىنسان قانداقمۇ- ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىش.

!تەكەببۇرلۇق قىلسۇن؟! كىممۇ ئازابقا تارتىلىدىغان گۇناھتىن سالامەت قالالىسۇن؟ مۇتەكەببىرنىڭ مىسالى: پادىشاھقا قارشى بىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، مىڭ قامچا. جازاغا بۇيرۇلۇپ، زىنداندا جازالىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئادەمگە ئوخشايدۇ ،مىڭ قامچا ئۇرۇلۇشنى كۈتۈۋاتقان ئادەمنى زىنداندىكىلەرگە تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ مەئسىيەت قىلغانلار- دەپ قارامسەن؟ دېمەك، دۇنيا زىنداندىن ئىبارەتتۇر. گۇناھ. ئازابلىنىشقا لايىقتۇر

پەرۋەردىگارىنى تونۇشتا، پەرۋەردىگارىنىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىگە ۋە ئاجايىپ يارىتىشلىرىغا قارىسا كۇپايە. بۇ قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقى ۋە ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇش ئاشكارا بولىدۇ. بۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ. يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلايدىغان شىپادۇر

ئەمەل قىلىشقا خاس شىپالاردىن بىرى: ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئەمەلىيەتتە كەمتەر بولۇشتۇر. بۇ سۈپەت داۋاملىق كەمتەر كىشىلەرنىڭ. ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن ھاسىل بولىدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىغا ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ .ئەلەيھى ۋەسەللەمدىكى كەمتەرلىك ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىلگىرى ئىشارە قىلىندى

ئىككىنچى مەرتىۋە: تەكەببۇرلۇقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان سەۋەبلەر توغرىسىدا

كىمكى نەسەبى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلسا، بىلسۇنكى، بۇ باشقىلارنىڭ . بوۋىسىنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالغاي- مۇكەممەللىكى بىلەن ماختىنىشتۇر. ئۇ ئاتا . تۇپراقتىندۇر- ئۇنىڭ ئاتىسى مەينەت بىر مەنىيدىن، بوۋىسى بولسا توپا

كىمكى كېلىشكەن چىرايى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلسا، ئىچ دۇنياسىغا. ئاقىللارچە قارىسۇنكى، ئەسلا ھايۋانلارچە سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قارىمىسۇن

قۇۋۋىتى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلسا، بىلسۇنكى، ئەگەر كىشىنىڭ- كىمكى كۈچ بىرگىنە تومۇرىغا ئاغرىق يەتسە، ئۇ ئەڭ ئاجىز ئىنسانغا ئايلىنىدۇ. بىر كۈنلۈك قىزىتما كىشىنى خېلى ئۇزۇن مۇددەتتە تولۇقلىۋالغىلى بولمايدىغان كۈچىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. پۇتىغا كىرگەن بىر تال تىكەن ئۇنى قىينايدۇ ۋە قۇلىقىغا بىر. تال قۇرت كىرىۋالسا، ئۇنى بىئارام قىلىدۇ

كىمكى بايلىقى سەۋەبلىك تەكەببۇرلۇق قىلسا، ئويلىسۇنكى، يەھۇدىيلار !ئۇنىڭغا قارىغاندا بەكمۇ باي! يەھۇدىيلارنى ئازدۇرغان ئۇنداق شەرەپكە تۈفى بايلىقىنى ئوغرى كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىۋالسا، مال ئىگىسى خار كىشىگە .ئايلىنىپ قالىدۇ

كىمكى ئىلمى سەۋەبلىك تەكەببۇرلۇق قىلسا، بىلسۇنكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئالىمغا بولغان سورىقى جاھىلغا قارىغاندا قاتتىق بولىدۇ. ئالىم ئۆزى يولۇققۇسى بۈيۈك خەتەر ھەققىدە تەپەككۇر قىلسۇن. چۈنكى، ئالىمنىڭ قەدرى باشقىلارنىڭ قەدرىگە قارىغاندا چوڭ بولغىنىدەك، ئىلىمنىڭ خەتىرى باشقا نەرسىلەرنىڭ. خەتىرىگە قارىغاندا چوڭدۇر. بۈيۈكلۈك، ئۇلۇغلۇقنىڭ پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا خاس ئىكەنلىكىنى بىلسۇن، ئىنسان تەكەببۇرلۇق، چوڭچىلىق قىلسا، ئاللاھنىڭ نەزەرىدە يامان كۆرۈلگەن ئۆچ كۆرۈلگەن ئىنسانغا ئايلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ كەمتەر بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ. يەنى، تەكەببۇرلۇق كەمتەرلىك بىلەن داۋالىنىدۇ. شۇنىڭدەك. ھەرقانداق ئىللەتنى ئۇنىڭ ئەكسى بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ

كەمتەرلىك ئەخلاقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان مەشىقنىڭ ئۆلچىمى

بىلگىنكى، بۇ ئەخلاقنىڭمۇ باشقا ئەخلاقلارغا ئوخشاشلا ئىككى ئۇچى ۋە ئوتتۇرى بولىدۇ. ئېشىپ كەتكەن ئۇچى «تەكەببۇرلۇق» دەپ ئاتالسا، كېمەيگەن. ئۇچى «ئۆزىنى پەس تۇتۇش ۋە خار قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ

. پەزىلەتتۇر- كەمتەرلىك بولسا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدۇر. كەمتەرلىك ئەردەم، ماختىلىدىغان كەمتەرلىك بولسا خار بولماستىن كەمتەرلىك قىلىشتۇر. چۈنكى .ئىشلارنىڭ ياخشىسى ئوتتۇراھال بولغىنىدۇر

ئۆز تەڭتۇشلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىۋالغان كىشى چوڭچىدۇر. ئۇلارنىڭ كەينىدە قىممىتىنى ئازراق تۆۋەنلىتىپ- ماڭغۇچى كەمتەردۇر. يەنى، ئۇ ئۆزىنىڭ قەدر موزدوزدەك كىشىلەر- كەمتەرلىك قىلغان كىشىدۇر. ئالىمنىڭ يېنىغا مايلامچى )كىرسە، ئۆز ئورنىنى بوشىتىپ، ئۇنى شۇ ئورۇندا ئولتۇرغۇزسا، (ماڭار چاغدا ئايىغىنى ئەكىلىپ بەرسە ۋە ئۇنى ئۇزۇتۇپ ئىشىككىچە چىقسا ئۆزىنى زورمۇ زور خارلىغان ۋە پەسلەشكەن بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ماختالمايدۇ. بەلكى ماختىلىدىغىنى ئوتتۇراھال بولۇشتۇر. ئوتتۇراھال بولۇش دېگەنلىك «ھەممىگە ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىش» دېمەكتۇر. لېكىن، ئالىمنىڭ بىرنەرسە سورىغان ئاددىي كىشىگە ،قىزغىن بولۇشى، سۆزلىگەندە سىلىق سۆزلىشى، دەۋەتكە ئىجابەت قىلىشى ھاجىتىنى راۋا قىلىشقا تىرىشىشى، ئۇنى تۆۋەن ۋە پەس كۆرمەسلىكى كەمتەرلىك. قىلىشىدۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر

ئىككىنچى پەسىل: ئۆزىگە تەمەننا قويۇش

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم بىر قۇر تونىنى كىيىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىۋاتقىنىدا، ئاللاھ ئۇنى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتكەن بولۇپ، ئۇ .»تاكى قىيامەت كۈنىگىچە يەر ئاستىغا توختىماي چۆكۈپ تۇرىدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ھالاكەتكە ،تاشلىغۇچى ئۈچ تۈرلۈك قىلمىش بار. بۇلار: ئىتائەت قىلىنىدىغان بېخىللىق.» ھەۋەسكە بېرىلىش ۋە ھەركىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاش قاتارلىقلار- ھاۋايى

ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ھالاكەت ئىككى . ئىبنى»تۈرلۈك ئىشتا بولىدۇ: ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئۆزىگە تەمەننا قويۇش -مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىككى ئىشنى جەملەپ كەلتۈردى. چۈنكى، بەخت سائادەتكە داۋاملىق تىرىشىش، ئىزدىنىش، ئەستايىدىل بولۇش ۋە چىڭ تۇرۇش. بىلەنلا يەتكىلى بولىدۇ. ئۈمىدسىزلەنگەن ئادەم بولسا تىرىشمايدۇ ۋە ئىزدەنمەيدۇ ئۆزىگە تەمەننا قويغان ئادەم بولسا ئۆزىنى بەختلىك بولدۇم ۋە مەقسىتىمگە .يەتتىم، دەپ ئويلاپ تىرىشمايدۇ

مۇتەررىف رەھىمەھۇللاھ: «مېنىڭ كېچىسى ئۇخلاپ قېلىپ، پۇشايمانلىقتا تاڭ ئاتقۇزۇشۇم مەن ئۈچۈن كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، ئۆزۈمگە تەمەننا قويغان ھالدا. تاڭ ئاتقۇزغىنىمدىن ياخشىدۇر» دېگەن

ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ئاپىتى شۇنى بىلگىنكى، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش تەكەببۇرلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ چۈنكى، ئۇ دەل تەكەببۇرلۇقنىڭ بىر سەۋەبىدۇر. دېمەك، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش تەكەببۇرلۇقنى تۇغدۇرىدۇ، تەكەببۇرلۇق تېخىمۇ كۆپ ئاپەتلەرنى تۇغدۇرىدۇ؛ كىشىلەر بىلەن بولغاندا، ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتۇر.

ئىبادەتلىرىنى- ئاللاھ تائالا بىلەن بولغاندا ئۆزىگە تەمەننا قويۇش بولسا تائەت چوڭ ساناشتىن بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ ئىبادىتى بىلەن ئاللاھ تائالاغا مىننەت قىلغاندەك بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى نېئمەتلەندۈرۈپ ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ. ئىبادەتنى بۇزىدىغان ئاپەتلەرنى .كۆرمەسكە سالىدۇ

ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولماسلىقىدىن قورققان كىشىلا قىلغان ئەمەللىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. قىلغان ئەمىلىدىن رازى ۋە خۇرسەن بولغان كىشى ئۇنداق. قىلمايدۇ

ئۆزىگە تەمەننا قويۇش تاكامۇل ئىلىم ياكى مۇكەممەل ئەمەلگە نۇقسان »يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇپ ئىشەنچ بىلەن «ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدا ھەققىم بار دەپ گۇمان قىلىشتۇر. دېمەك، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ئۆزى سۆيۈنگەن نەرسىنى چوڭ ساناشتىن كېلىدۇ. بۇ ئىشەنچ مۇكاپات كۈتۈشكە سەۋەب بولىدۇ. بۇ بەئەينى قىلغان دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇشىنى كۈتۈش ۋە ئۇنىڭ ئىجابەت بولماسلىقىغا. ئىشەنمەسلىكتۇر

پەسل: ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ شىپاسى

شۇنى بىلگنىكى! ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سېنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈش. ۋە ئەمەللىرىڭدە يول كۆرسىتىش بىلەن ساڭا ئىنئام قىلغاندۇر

شۇڭا، ئەمەل قىلغۇچى ئەمىلى سەۋەبلىك، ئالىم ئىلمى، گۈزەل ئادەم. گۈزەللىكى ۋە باي بايلىقى سەۋەبلىك ئۆزىگە تەمەننا قويۇشقا ھېچ يول يوق. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان پەزلىدۇر ئىنسان بولسا ئاللاھ تائالانىڭ مول نېئمەتلىرىنىڭ چۈشۈش مەنزىلىدۇر. ئىنساننىڭ. ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنىڭ چۈشۈش مەنزىلى بولۇشىمۇ باشقا بىر نېئمەتتۇر

قۇۋۋىتىم بىلەن ھاسىل بولدى. ئىلىم- ئەگەر سەن: «ئىلىم مېنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىمنىڭ بار بولۇشى بىلەنال- مېنىڭ مەۋجۇدلۇقۇم، ئەمىلىم، ئىرادە ۋە كۈچ ۋۇجۇدقا كېلىشى مۇمكىن» دېگۈدەك بولساڭ، ئېيتقىنچۇ، ئۇنداقتا سېنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىڭ قەيەردىن كەلدى؟ ئۇلارنىڭ ھېچبىرى سەندىن ئەمەس، تامامى- .ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەندۇر

قۇۋۋەت- قۇۋۋەت بىلەن بولىدىغان بولسا، كۈچ- ئەگەر قىلغان ئەمەل كۈچ

شۇ ئەمەلنىڭ ئاچقۇچىدۇر. بۇ ئاچقۇچ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلىكىدىدۇر. ئەگەر ساڭا قۇۋۋەت ئاچقۇچىنى بەرمىسە، سېنىڭ ئەمەل قىلىشىڭ مۇمكىن- ئاللاھ تائالا كۈچ بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئىشىكى ئېتىك بىر ئامبار يېنىدا ئولتۇرساڭ، ئۇنىڭ ئاچقۇچى بېرىلمىسە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىشقا كۈچۈڭ يەتمىگىنىگە .ئوخشاشتۇر

،«سەھىھەين»دىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە :پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

، دېگەنىدى— ھېچبىرىڭلارنى قىلغان ئەمىلىڭلار جەننەتكە كىرگۈزەلمەيدۇ— :ساھابەلەر

دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى— سىلىنىمۇ شۇنداقمۇ؟— :ۋەسەللەم

— مېنىمۇ شۇنداق، پەقەتلا ئاللاھ مېنى ئۆز رەھمىتى ۋە پەزلى بىلەن يۆگىسە ئاندىن — دېدى.

بىلگىنكى، تەكەببۇرلۇق قىلىش پەيدا بولىدىغان سەۋەبلەردىن ئۆزىگە تەمەننا. قويۇشمۇ پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بايانى ۋە داۋاسى ئىلگىرى سۆزلەندى

شۇ سەۋەبلەردىن بىرى: نەسەبى بىلەن ئۆزىگە تەمەننا قويۇش. بۇ خۇددى بوۋىلىرىنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن ئازابتىن- ئۇلۇغ ئادەم ئۆزىنىڭ ئاتا. قۇتۇلىدىغانلىقىنى خىيال قىلغانغا ئوخشاشتۇر

بوۋىلىرىنىڭ– بۇ خىل ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ شىپاسى بولسا ئۆز ئاتا ئەمەللىرىگە يات ئەمەللەر قىلسا ۋە ئۆزىنى ئۇلار بىلەن بىللە بولىمەن، دەپ گۇمان قىلسا، بۇنىڭ نادانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىش. ئەگەر ئۇلار قىلغان ئەمەللەرنى قىلىپ ئۇلارغا ئەگەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ئەمەسلىكىنى بىلسۇن. بەلكى ئىلگىرىكىلەر ئۆزىنى تۆۋەن كۆرەتتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا قېلىشتىن قورقاتتى. ئۇلار نەسەب بىلەن ئەمەس، تائەت ئىبادەت ۋە ماختىلىشقا سازاۋەر بولىدىغان ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن ئۇلۇغلۇققا- .ئېرىشكەن ئىدى

ئاللاھ تائالا مۇنداق ئېيتقان: «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ بىرىدىن ئارتۇق- دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر «49ھۇجۇرات-13» )بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (قىزىغا): «ئى فاتىمە! مەن سىزدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ھېچنەرسىنى دەفئ قىلالمايمەن» دېگەن.

ئەگەر «ئېسىل كىشى قىيامەت كۈنى ئۆزىگە يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ شاپائەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغۇ؟!» دېسەڭ: بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، بارلىق مۇسۇلمانلار. باشقىلارنىڭ شاپائەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ

بەزىدە بىر شەخس دوزاختا كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. بەزىدە گۇناھ كۈچلۈك كېلىپ قېلىپ، شاپائەتمۇ ئۇنى .دوزاختىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ

«سەھىھەين»دىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ھېچبىرىڭلارنى قىيامەت :كۈنى بوينىدا بوزلاۋاتقان تۆگە بار ھالەتتە تېپىپ قالمىغايمەن. شۇندا ئۇ كىشى

— قۇتقۇزغىن، ئى رەسۇلۇللاھ! — دەيدۇ. مەن:

سەندىن ھېچنەرسىنى دەفئ قىلىشقا قادىر بولالمايمەن، مەن ساڭا— .» دەيمەن— يەتكۈزگەن ئىدىم

مەئسىيەتلەرگە بېرىلگۈچى- باشقىلارنىڭ شاپائەت قىلىشىغا تايىنىۋېلىپ گۇناھ كۆيۈمچان ئۇستا تېۋىپقا تايىنىۋېلىپ، كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرگە بېرىلىدىغان كېسەلگە ئوخشايدۇ. بۇنداق قىلىش نادانلىقتۇر. چۈنكى، ئۇستا تېۋىپنىڭ. تىرىشچانلىقىمۇ ھەممە كېسەلگە ئەمەس، بەزى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ

ئۇلۇغ ساھابەلەرنىڭمۇ ئاخىرەتتىن قورقىدىغانلىقى بۇنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ھالبۇكى، ساھابەلەرنىڭ مەرتىۋىسىدە بولمىغان كىشىلەرگە قانداقمۇ !تايىنىۋېلىش توغرا بولسۇن؟

شۇ قاتارىدىن، ئۆزىنىڭ خاتا كۆزقارىشى بىلەن ئۆزىگە تەمەننا قويۇش. ئاللاھ «ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى :تائالا بۇ ھەقتە» «35فاتىر-8» )چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى (ھىدايەت تاپقان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ .دەيدۇ

بۇ تۈردىكى ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى داۋالاش باشقا تۈردىكى ئۆئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى داۋالاشقا قارىغاندا قىيىندۇر. چۈنكى، ئۆز كۆزقارىشى بىلەن ھاكاۋۇرلۇق قىلغۇچى نەسىھەتگۇينىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمايدۇ، ئۇنداقتا ئۆزى «نىجاتلىق» دەپ قارىغان نەرسىنى !ئۇ قانداقمۇ تەرك ئەتسۇن؟

بۇ تۈردىكى ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى داۋالاش «ئۆز كۆزقارىشىنى خاتامىدۇ؟ ،دەپ گۇمان قىلىش ۋە كۆزقارىشى بىلەن مەغرۇرلانماسلىق بىلەن بولىدۇ. لېكىن قۇرئان ۋە ھەدىستىن ھەمدە بارلىق دەلىل شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسكىن، ئەقلىي دەلىلدىن ئۆز كۆزقارىشىنىڭ توغرىلىقىغا كەسكىن دەلىل شاھىد بولسا بۇ ھالەتتە «خاتامىدۇ؟» دەپ گۇمان قىلماسلىقى كېرەك. بۇ ھالەت پەقەت ئىلىم ئەھلى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش، قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆگىنىشكە مەشغۇل بولۇش بىلەن بىلىنىدۇ. ئۆمرىنى ئۇزۇن يىللار ئىلىم ئۆگىنشىكە سەرپ قىلمىغان كىشىنىڭ ھەرخىل مەزھەب ئىختىلاپلىرىغا كىرمىگىنى ياخشىدۇر. لېكىن، ئۇ كىشى ،«ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەس ،«ئاللاھ تائالا يېگانە، شېرىكى يوق ، ئاللاھنىڭ ‹42شۇرا-11› ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ۋەھيىدە راستچىلدۇر» دەپ بىر پۈتۈن ئېتىقادتا بولۇشى، قۇرئاندا كەلگەن ھۆكۈملەرنى بەك ئىنچىكە تەكشۈرۈپ كەتمەي ئىمان . ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك- كەلتۈرۈشى، ۋاقتىنى تەقۋالىق ۋە ئەمەل قاچانكى، مەزھەب ئىختىلاپلىرىغا كىرسە ۋە بىھۇدە نەرسىلەرنى بىلىشنى مەقسەت. قىلسا، ھالاك بولىدۇ

ئىزاھاتلار:

  • . ھافىز ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى224( ،»ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەتتەۋازۇئۇ ۋەلخۇمۇل ) ‹بۇ ھەدىسنى بەززار ‹زالىملار› دېگەن كەلىمەسىز مۇشۇنداق ئىخچاملاپ229/3 ،›ئىھيائ»
  • . مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب5229 ،4357( )؛ ئەبۇ داۋۇد16807( ئەھمەد .) ‹سەھىھ› دېگەن5957 ،»ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجامىئ
  • 206( )؛ مۇسلىم2753( بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي

يىگىرمە بىرىنچى بۆلۈم: مەغرۇرلىنىش (ئالدىنىش) ۋە ئۇنىڭ قىسىم - دەرىجىلىرى

بۆلۈم: “يىگىرمە بىرىنچى بۆلۈم: مەغرۇرلىنىش (ئالدىنىش) ۋە ئۇنىڭ قىسىم - دەرىجىلىرى”

كىشىلەر ئىچىدە دۇنياغا ئالدىنىپ: «‹ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى›. دۇنيا نەق، ئاخىرەت نېسىدۇر» دەيدىغانلار بار. شەيتان مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ. چۈنكى، نەق نەرسە نېسى بىلەن ئوخشاش بولسا، ئاندىن ئۇنىڭدىن. ياخشى بولىدۇ

ھەممىگە مەلۇمكى! ئىنساننىڭ تىنىقى ئۈزۈلگۈچە بولغان پۈتۈن ئۆمرى ئاخىرەت. مۇددىتىگە نىسبەتەن مىليوندىن بىر پارچىغا توغرا كەلمەيدۇ

«نەق نەرسە نېسى نەرسىدىن ياخشى» دېگەنلەر نېسى نەرسىنى نەق نەرسە ئۆزلىرىنى- بىلەن ئوخشاش كۆرگۈچىلەر بولۇپ، كافىرلار مۇشۇنداق دەپ ئۆز. ئالدىغاندۇر

مەئسىيەتلەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار- ئەقىدىلىرى ساغلام تۇرۇپ، گۇناھ بۇ خىل ئالدىنىشتا كافىرلارغا ھەمشېرىك بولغانلاردۇر. چۈنكى، ئۇلار ئاخىرەتنى قويۇپ دۇنيانى تاللىغاندۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى كافىرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا يەڭگىلرەك بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىمان ئاساسى بولغانلىقى ئۇلارنى .مەڭگۈلۈك ئازابتىن ساقلاپ قالىدۇ

گۇناھكار كىشىلەردىن: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن سېخىيدۇر. بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشىغا يۆلىنىمىز» دەپ ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىدىغانلىقى ۋە - ئازاب قىلمايدىغانلىقى بىلەن ئالدىنىدىغان كىشىلەر بار. بەزىدە ئۇلار ئاتا . ئۆزىنى ئالدايدۇ- بوۋىلىرىنىڭ ياخشىلىقى سەۋەبلىك ئۆز

ئالىملار ئېيتىدۇ: «كىمكى بىرنەرسىنى ئۈمىد قىلسا، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ، بىرنەرسىدىن قورقسا ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، داۋاملىق گۇناھ قىلىپ.»تۇرۇپ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىشنى ئۈمىد قىلغان كىشى ئالدانغان كىشىدۇر

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى بىلىش بىلەن بىرگە، ئازابىنىڭمۇ ھەم بەك قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. ئاللاھ تائالاغا كافىرلارنىڭ كافىر بولغانلىقى ھېچ زىيان يەتكۈزمەيدىغان تۇرۇپ، ھەقتائالا ئۇلارنى دوزاختا مەڭگۈ

قېلىشقا ھۆكۈم قىلدى. ئاللاھ تائالا دۇنيادا بەندىلىرىدىن كېسەللىك ۋە قىينچىلىقلارنى يوق قىلىۋېتىشكە قادىر تۇرۇپ، بەندىلىرىگە كېسەللىكلەر ۋە .قىيىنچىلىقلارنى سىناق قىلدى. ئاندىن بىزنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇردى !شۇنداق بولغانىكەن، بىز قانداقمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقمايمىز؟ قورقۇنچ بىلەن ئۈمىد ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى يېتەكلىگۈچىدۇر ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولمايدىغان نەرسە ئالدىنىشتۇر. بۇنى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ مەئسىيەتلەرنى تاللاشقا ئېلىپ- ئۈمىدىنىڭ ئۇلارنى تەييار تاپلىققا ۋە گۇناھ. بارغانلىقى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىدۇ.

ئىلگىرىكى ئەسىردىكىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلگەنلىكى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلىقى، بۇ زاماندىكىلەرنىڭ بولسا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ يەنە ئەمىن ۋە !خاتىرجەم يۈرۈشىدىن ھەيرانمەن

ئەجەبا، زامانداشلىرىمىز ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلەرمۇ بىلمىگەن !سېخيلىقىنى بىلدىمۇ؟

ئەگەر ئاخىرەت نېئمىتىگە ئېرىشىش ئارزۇ قىلىپ قويۇش بىلەنلا قولغا كېلىدىغان بولسا، پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلار نېمە ئۈچۈن چارچىدى، ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ياش تۆكتى؟! يەھۇدىي ۋە ناسارلار: «بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئېلىپ، بىزنى ئاللاھ- پۇل !ئەپۇ قىلىدۇ» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەيىبلىمىدىمۇ؟

بوۋىلىرىنىڭ ئېسىللىكى بىلەن ئالدانغانلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ- ئۆز ئاتا ،، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى بىلەن بولغانئۆز ئوغلى بىلەن بولغان قىسسەلىرىنىپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان !ئېسىگە ئالمامدۇ؟

بۇنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالانىڭ: «ئى نۇھ! ئۇ (مەن نىجات تېپىشنى ۋەدە قىلغان) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر» «11ھۇد-46» دېگەن سۆزىدۇر. يەنى: «مەن رەببىمدىن ئانامغا مەغپىرەت تىلىشىم ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان ئىدىم، رەببىم ماڭا رۇخسەت قىلمىدى» دېگەن ھەدىستۇر. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بىر قىسىم ئالىملار: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇشرىك» دەپ قارىغان بولۇپ، مۇئەللىفمۇ شۇ قاراشنى ياقىلىغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «مەزكۇر ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى ئېھتىماللىق» دەپ قاراپ، ئاللاھ تائالانىڭ: «پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز» «17ئىسرا-15» دېگەن ئايىتىگە ئاساسەن، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاتا-ئانىسى فەترەت ئەھلى» دەپ قارىغان.

مەئسىيەت- ئىبادەت قىلىدۇ، ھەم گۇناھ- بىر قىسىم كىشىلەر ھەم تائەت ئىبادەتلىرىدىن كۆپ تۇرۇپ: «بىزنىڭ- ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تائەت ياخشىلىقلىرىمىز يامانلىقلىرىمىزدىن ئارتۇق كېلىدۇ» دەپ گۇمان قىلىپ. ئالدانغانلىقى بۇ تۈرلۈك ئالدىنىشقا يېقىندۇر

بىراۋنىڭ نۇرغۇن مالنى بۇلاپ ئېلىپ يەپ تۇرۇپ، بىر تەڭگە سەدىقە قىلغانلىقىنى كۆرىسەن. سەدىقە قىلغان بىر تەڭگىمۇ بەلكىم شۇ باشقىلاردىن. بۇلاپ ئېلىنغان مالدىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ شۇ بىر تەڭگە سەدىقىگە تايىنىدۇ ئۇنداق كىشىنىڭ مىسالى بىر ئالىقىنىغا بىر تەڭگىنى قويۇپ، يەنە بىر ئالىقىنىغا مىڭ تەڭگىنى قويۇپ، بىر تەڭگىنىڭ مىڭ تەڭگىنى بېسىپ كېتىشىنى ئۈمىد. قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ

مەئسىيەتلىرىدىن- ئىبادەتلىرىنى گۇناھ- كىشىلەر ئىچىدە «ئۆزىنىڭ تائەت كۆپ» دەپ گۇمان قىلىدىغان كىشىلەر بار. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى سانىغانلىقى، ئۆز يامانلىقلىرىنى ھېسابقا ئالمىغانلىقى ۋە گۇناھلىرىنى ئېسىگە ئالمىغانلىقى سەۋەبتۇر. ئۇنداق كىشىنىڭ مىسالى ھەركۈنى 100 قېتىم ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيدىغان ۋە تەسبىھ ئېيتىدىغان، ئاندىن كۈندۈزدە ئۇزۇن ۋاقىت مۇسۇلمانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، ئاللاھ تائالا ياقتۇرمايدىغان سۆزلەرنى سۆزلەيدىغان ۋە تەسبىھ، ئىستىغپارنىڭ پەزىلىتىگە .قاراپ، غەيۋەت ۋە نامەقبۇل سۆزلەرنىڭ جازاسىغا قارىمايدىغان كىشىگە ئوخشايدۇ

ئالدانغۇچىلارنىڭ تۈرلىرى ۋە قىسىملىرى اغرتر ار) كۆپىنچە ئالىملار، ئابىدلەر، سۇفىلەر ۋە بايلاردىن ئىبارەت( ئالدىنىش. تۆت تۈرلۈك كىشىدە يۈز بېرىدۇ

ئالىملاردىن ئالدانغۇچىلار بىرنەچچە قىسىم بولىدۇ:

بىر قىسىمى، شەرئىي ۋە ئەقلىي ئىلىملەرنى پۇختا ئۆگىنىدۇ. لېكىن، بەدەن ئىبادەتلەرنى- ئەزالىرىنى تەكشۈرۈش، ئۇلارنى گۇناھلاردىن ساقلاش ۋە تائەت قىلىشقا زورلىمايدۇ. ئەنە ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى سەۋەبلىك ئالدىنىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئاللاھ تائالا نەزەرىدە يۈكسەك بىر ئورۇندا دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر ئۇلار قەلب كۆزى بىلەن قارىسا ئىدى، مۇئامىلە ئىلمىدىن پەقەت ئەمەل قىلىشنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى بىلەتتى. ئەگەر ئەمەل قىلىش بولمىسا ئىدى، ئۇ ئىلىمنىڭ ھېچ قەدر-قىممىتى بولمىغان بولاتتى. ئاللاھ: «نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ» «91شەمس-9» دەيدۇ. ھەقتائالا بۇ ئايەتتە: «نەپسىنى قانداق

پاكلاشنى ئۆگەنگەن كىشى مۇرادىغا يېتىدۇ» دېمىدى. ئەگەر شەيتان ئىلىم ئەھلىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئۇنىڭ ئېسىگە سالسا، گۇناھلارنى كۆپ قىلىدىغان ئالىم ھەققىدە كەلگەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە ئوخشاش ئايەتلەرنى ئېسىگە :ئالسۇن

«ئەگەر بىز خاھلىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە) كۆتۈرەتتۇق، لېكىن خاھىشىغا بويسۇندى. ئۇ گويا بىر ئىتقا- ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، قوغلىۋەتمىسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر. ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن» «7ئەئراف-176».

«تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ-چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» «62جۇمۇئە-5».

يەنە بىر قىسىم ئالىملار باركى، ئىلىم ۋە ئاشكارا ئەمەلنى پۇختا قىلىدۇ. قەلبلىرىدىكى تەكەببۇرلۇق، ھەسەتخورلۇق، رىياكارلىق، چوڭچىلىق ۋە شۆھرەتپەرەسلىك قاتارلىق يامان سۈپەتلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن قەلبلىرىنى تەكشۈرمەيدۇ. بۇلار تاشقى كۆرۈنۈشىنى زىننەتلەپ، ئىچكى تەرىپىگە بىپەرۋالىق قىلىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھ سىلەرنىڭ شەكلىڭلارغا ۋە مال-مۈلكۈڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ» دېگەن سۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. ئۇلار بولسا ئەمەللىرىنى تەكشۈرگەن، ئەمما قەلبلىرىنى تەكشۈرمىگەن كىشىلەردۇر. قەلب بولسا بىر ئاساستۇر. چۈنكى: «ئۇ كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمدىن باشقىسىغا ھېچقانداق مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ» «26شۇئەرائ-89».

بۇ ئالىملارنىڭ مىسالى: ئۇلار خۇددى زىرائەت تېرىغان بىر تېرىقچىغا ئوخشايدۇكى، زىرائەت ئۆسىدۇ ۋە زىرائەت بىلەن تەڭ ئوتمۇ ئۆسۈپ زىرائەتنى بۇزىدۇ. ئاندىن ئۇ ئادەم ئوتلارنىڭ ئۇچلىرى ۋە غوللىرىنى ئۈزۈپ يىلتىزىنى .قويۇپ قويىدۇ، ئوتنىڭ يىلتىزى بولسا يوغىناپ كۈچلۈك تۇرىۋېرىدۇ

يەنە بىر قىسىم ئالىملار باركى، ئۇلار بۇ يوشۇرۇن، ئەيىبلىنىدىغان خۇلقلارنى

بىلىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئۆزىگە تەمەننا قويغانلىقى سەۋەبلىك «بىزدە ئۇ يامان ئەخلاقلار يوق، بىز ئۇنداق يامان ئەخلاقلار بىلەن سىنىلىشتىن ئاللاھ تائالا نەزەرىدە يۇقىرى ئورۇندا، ئاللاھ تائالا ئۇنداق يامان ئەخلاقلار بىلەن بىزنىڭ . خەلقنى سىنايدۇ» دەپ ئويلايدۇ- دەرىجىمىزدىكى ئىلىم ئەھلىنى ئەمەس، ئاۋام ئۇلاردا تەكەببۇرلۇق ۋە باش بولۇشنى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈنسە، «بۇ تەكەببۇرلۇق ئەمەس، پەقەت دىننىڭ ئەزىزلىكىنى تەلەپ قىلىش، ئىلىمنىڭ شەرىپىنى ئاشكارا قىلىش ۋە بىدئەتچىلەرنى خار قىلىش. چۈنكى، مەن تۆۋەن، دەرىجىدىكى كىيىملەرنى كىيدىم، تۆۋەن دەرىجىدىكى سورۇنلاردا ئولتۇردۇم دىن دۈشمەنلىرى ماڭا يەتكەن ئىشلار سەۋەبلىك خۇشال بولدى، مېنىڭ خار بولغىنىمغا خۇشال بولدى ۋە مېنىڭ خار بولۇشۇم دىننىڭ خار بولۇشىدۇر» دەيدۇ ۋە ئالدىنىشنى ئۇنتۇيدۇ. ئىبلىس: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابەلىرى كەمتەر ئىدى، يوقسۇللۇق ۋە مىسكىنلىكنى تالاليتتى» دەپ ۋەسۋەسە .قىلىپ، ئۇ كىشىگە بۇنى زىننەتلەيدۇ

،رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئالدىغا پىيادە كېسىپ ئۆتىدىغان بىر سۇلۇق ئورۇن ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۆگىسىدىن چۈشۈپ، ئىككى ئۆتىكىنى سېلىپ :قولىدا تۇتتى ۋە تۆگىسى بىلەن بىللە سۇغا كىردى. ئۇنىڭغا ئەبۇ ئۇبەيدە

، سەن بۈگۈن زېمىن ئەھلى قارىشىدا ناھايىتى بۈيۈك بىر ئىشنى قىلدىڭ— : دېگەنىدى، ئۆمەر ئۇنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ—

! ئاھ! ئى ئەبۇ ئۇبەيدە! ئەگەر سەندىن باشقا كىشى بۇنى دېگەن بولسىچۇ— بىزلەر كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ خار ۋە تۆۋەن كىشىلەر ئىدۇق، ئاللاھ تائالا بىزنى پەيغەمبىرى سەۋەبلىك ئەزىز قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ باشقىسدىن ئەزىزلىك تەلەپ.» دېدى— قىلساق، ئاللاھ تائالا بىزلەرنى خار قىلىدۇ

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامغا. كەلگەندە، تۆگىسى ئۈستىدە تۇرغان ھالىتىدە كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالدى :ئۇنىڭغا

كاشكى قېچىر مىنىپ كەلگەن بولسىلىرىچۇ! مۆھتىرەم ۋە مۆتىۋەر كىشىلەر— : دېگەن ئىدىلەر، ئۆمەر— !بىلەن كۆرۈشىدىلا ئەمەسمۇ

— ياق، سىلەرنى بۇ يەردە كۆرۈۋاتىمەن، مەسىلە بولسا بۇ يەردە — دەپ ئاسمانغا ئىشارەت قىلدى ۋە:

.» دېدى— تۆگەمگە يول بوشىتىڭلار—

دۇنيانىڭ ئەزىزلىكىنى ئېسىل كىيىملەر، نەسىللىك ئاتلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش. نەرسىلەر بىلەن تەلەپ قىلىدىغان مەغرۇر (ئالدانغان) كىشىدىن ھەيرانمەن ئۇنىڭ خىيالىغا رىيا قىلىش كىرسە: «مەن بۇ ئارقىلىق ئىلىم ۋە ئەمىلىمنى ئاشكارا قىلايلىكى، كىشىلەر ماڭا دىندا ئەگەشسۇن» دەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ مەقسىتى ،ھەقىقەتەن بۇ بولسا، ئەلبەتتە خالايىق ئۆزىدىن باشقا كىشىلەرگە ئەگەشسە ،ئۆزىگە باشقىلارنىڭ ئەگەشكىنىگە ئوخشاش خۇشال بولغان بولاتتى. چۈنكى ،كىشىلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنى مەقسەت قىلغان كىشى، كىم بولسا بولسۇن. بىراۋنىڭ يېتەكلىشىدە كىشىلەر ياخشىلانسا بۇنىڭدىن سۆيۈنىدۇ

شۇنىڭدەك ئالىملاردىن سۇلتانلارنى زىيارەت قىلىدىغان، ئۇلارغا دوستلۇق :ئىزھار قىلىدىغان، ماختايدىغان ۋە ئالدىدا كەمتەرلىك قىلىدىغان ئالىم كىشىمۇ «مەن بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىرەر مۇسۇلمانغا شاپائەت قىلىمەن ياكى ئۇنى قازادىن قوغداپ قالىمەن» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا بىلىدۇكى، ئەگەر ئۇنىڭ- بالا يورۇقلىرىدىن بىرەرسىنىڭ سۇلتان بىلەن يېقىنلىقى ئاشكارا بولسا- يېقىن. ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدۇ

بۇ قىسىمدىكى بەزى ئالىملارنىڭ ئالدىنىشى شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئېلىش ھارام بولىدىغان مېلىدىن ئالىدۇ. بىراۋ ئۇلارغا: «بۇ مالنىڭ ئىگىسى يوق، بۇ مال مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، سىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىدىن بىرىسىز» دەيدۇ. ئۇ كىشى ئۆز نەپسىگە بېرىلىپ بۇ ئازدۇرۇشقا ئالدىنىدۇ. «بۇ مال ئىگىسى يوق مال» دېگەن گەپنى قىلغۇچى بەزىدە بىر يالغانچى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ نىشانى ماللاردا شۈبھە تۇغدۇرۇشتۇر. بۇنداق گۇمان ئۇ مالنى ھالال قىلمايدۇ. ھەتتا بەزىدە مالنىڭ ئىگىسىنى بىلىدىغان كىشى .شۇنداق گەپنى دەيدۇ

،يەنە بىر قىسىم ئالىملار ئىلىمنى پۇختا ئۆگىنىدۇ، ۋۇجۇدىنى پاك تۇتىدۇ ، ئىبادەتلەر بىلەن زىننەتلەيدۇ. قەلبلىرىنى رىيا، ھەسەت- ئەزالىرىنى تائەت تەكەببۇرلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان يامان سۈپەتلەردىن پاكلاشقا ئەھمىيەت مىكىرلىرىدىن ۋە- بېرىدۇ. لېكىن، قەلبىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا شەيتاننىڭ ھىيلە .نەپسنى ئالداشتىن ئىبارەت يوشۇرۇن يامان سۈپەتلەر بولىدۇ. ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ ،ئۇنى يوق قىلىشقا سەل قارايدۇ. سەن ئۇلارنىڭ بىرىنى كېچىسى ئۇخلىماي، كۈندۈزى ئىلىملەرنى توپلاش، تەرتىپلەش ۋە ئىلىم لەۋزىلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان ھالەتتە كۆرىسەن؛ ئۇ ئۆزىنىڭ بۇلارنى قىلىشىغا تۈرتكە بولغان، سەۋەبنى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئاشكارا قىلىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكى دەپ ئويلايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا تۈرتكە بولغان نەرسە . ئابرۇي قوغلىشىش بولۇشى مۇمكىن- شۆھرەتپەرەسلىك ۋە يۈز

ئۇزۇن دەۋالارنى- شۇنىڭدەك ئۇ كىشى ئۆزى يازغان كىتابىدا كەڭ، ئۇزۇندىن قىلىش بىلەن ئوچۇقچە ياكى يوشۇرۇن بىراۋلارنى ئەيىبلەپ، «مەن پالانىدىن پەزىلەتلىك ۋە مەن ئۇنىڭدىن بۈيۈك» دېيىشتىن، ئۆزىنى ماختاشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ ۋە بۇنىڭدەك مەخپىي ئەيىبلەرنى پەقەت ئەقىللىق كىشىلەرلا بىلەلەيدۇ. بۇ ئەيىبلەردىن پەقەت ئىمانى كۈچلۈك ئادەملەرلا ساقلىنالايدۇ. بىزگە ئوخشاش ئىمانى ئاجىز ئادەملەر ئۇنىڭدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇشنى تەمە قىلماسلىقى كېرەك. لېكىن، بۇ مەخپىي ئەيىبلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىكى ئىنساننىڭ. ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى بىلىشى ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇشىدۇر، كىمنىكى قىلغان ياخشى ئىشى خۇشال قىلسا ۋە يامان ئىشى قايغۇغا سالسا ئۈمىدكى، ئۇنداق كىشىنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولغاي. ئەمما، ئۆزىنى پاك ۋە .كىشىلەرنىڭ ياخشىسى دەپ ئويلايدىغان كىشىنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ مانا بۇلار مۇھىم ئىلىملەرنى تەھىسل قىلغان ئالىملارنىڭ ئالدىنىشىدۇر.

ئۇنداقتا مۇھىم بولمىغان ئىلىملەر بىلەن كۇپايىلەنگەن ۋە مۇھىم ئىلىملەرنى !تاشلىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟

بۇ قىسىمدىكى ئالىملارنىڭ بەزىسى ھۆكۈم ۋە ماجىرالاردا پەتۋا بېرىش ئىلمىنى ۋە تىرىكچىلىكنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان دۇنيالىق مۇئامىلە تەپسىلاتلىرىنىلا ئۆگىنىدۇ. بەزىدە ئاشكارا ئەمەللەرنى زايە قىلىدۇ، غەيۋەت قىلىش ۋە قاراش ھالال بولمايدىغان نەرسىلەرگە قاراش، بېرىش مەئسىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ- دۇرۇس بولمايدىغان يەرگە بېرىشتىن ئىبارەت گۇناھ ۋە قەلبلىرىنى تەكەببۇرلۇق، ھەسەت، رىيا ۋە بارلىق ھالاك قىلغۇچى ئىشلاردىن ساقلىمايدۇ. بۇلار بىرى ئەمەل تەرەپتىن، ئىككىنچىسى ئىلىم تەرەپتىن ئالدانغان. كىشىلەردۇر

ئۇلار، مىسالى دورىنىڭ رېتسىپىنى بىلىپ، ئۇنى تەكرارلاش ۋە ئۆگىتىشكە مەشغۇل بولغان كېسەلگە ئوخشاش. ياكى بەئەينى كۆكرەك پەردە يلالۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان تۇرۇپ، خۇن كېسىلى دورىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۇنى تەكرارلاۋاتقان. ئادەمگە ئوخشايدۇ. بۇ بولسا چېكىگە يەتكەن ئالدىنىشتۇر

ئۇنىڭ ئالدىنىشىنىڭ سەۋەبى شەرىئەتتە فىقھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى يۈزەكى چۈشىنىۋېلىشتۇر ۋە ئۇنىڭدا تەشەببۇس قىلىنغان- ئايەت فىقھنىڭ ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇش، قەلبنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشنى ھېس قىلىشى ۋە تەقۋالىقنى لازىم تۇتۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ قورقۇتقۇچى ۋە .ئۈمىد قىلدۇرغۇچى سۈپەتلىرىنى تونۇش ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكتۇر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى كېرەك ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىققان ئىكەن)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىندا ئالىم بولۇپ، قەۋملىرىگە قايتقاندا ئۇلارنى ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقسا ئاگاھلاندۇرۇش ھاسىل بولىدىغان ئىلىم بۇنىڭدىن باشقا «9تەۋبە-122» بولمامتى؟ ئىلىمدۇر. چۈنكى، بۇ ئىلىمنىڭ مەقسىتى مۇئامىلە شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان مۈلك بىلەن، ئۆلتۈرۈش ۋە- مۈلكنى قوغداش، جانلارنى مال- ئاساستا مال. يارىلاندۇرۇشتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىلەن مۇھاپىزەت قىلىشتۇر

مال ئاللاھ تائالا يولىدا مېڭىشتا بىر ۋاسىتە، بەدەن بولسا مىنىدىغان بىر. ئۇلاغدۇر

مۇھىم بولغان ئىلىم بولسا ئاخىرەت يولىدا مېڭىشنى بىلىش ۋە ئاللاھ تائالا بىلەن بەندە ئارىسىدا توسالغۇ بولىدىغان يامان سۈپەتلەردىن ئىبارەت قەلبنىڭ. داۋانلىرىنى كېسىپ ئۆتۈشتۇر

بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنگەن كىشى، مىسالى ھەج سەپىرىگە مېڭىشتا تۇلۇم ۋە - ئۆتۈك تىكىشنى بىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. شەك شۈبھىسىزكى، ئۇمۇ بىلىش زۆرۈر بولغان ئىلىمدۇر، لېكىن ئۇ ھەج ئەمەللىرى .قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ

ئۇلاردىن پەقەت ئىختىلاپ ئىلمىنى ئۆگىنىش بىلەن كۇپايىلىنىدىغان كىشىلەر بار. ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولىدىغىنى پەقەت جېدەل قىلىش، ئۆزىنىڭ قارىشىنى باشقىلارغا تېڭىش، باشقىلارنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش، باشقىلارنى يېڭىۋېلىش ئۈچۈن ھەقنى قوبۇل قىلماسلىق يولىدۇر. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىكى .قىسىمدىكىلەرگە قارىغاندا تېخمۇ ياماندۇر، فىقھىدا بولىدىغان بارلىق نازۇك قۇرۇق جېدەللەرنى بىلىش بىدئەت بولۇپ بۇ ئەھۋال سەلەف سالىھلەردە يوق ئىدى. ئەھكاملارنىڭ دەلىللىرىگە كەلسەك، بۇ مەزھەب ئىلمىنىڭ قاتارىدىندۇر. ئەھكاملارنىڭ دەلىللىرى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ

كىتابى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ۋە ئىككىسىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتۇر. ئەمما، ئەكسىنى ئىسپاتلاش، تەتۈرى بىلەن تېگىش قىلىش، ھۆكۈمگە قارشى ئىسپات تىكلەش، قىياس قۇرۇلمىسىنىڭ ناتوغرىلىقىنى ،ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرى قاتارلىق دەتالاش ھىيلىلىرى بولسا باشقىلارنى يېڭىۋېلىش ئۇلارنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن پەيدا قىلىنغاندۇر. (يەنى بەزى كىشىلەر، بۇلار ئارقىلىق باشقىلارنى يېڭىۋالماقچى بولىدۇ. بۇ ئىلىمنى ئۇ مەقسەتتە ئەمەس قۇرئان ۋە ھەدىسنى توغرا چۈشىنىش، توغرا سۆزلەش مەقسىتىدە ئۆگىنىش .)كېرەك

ھەۋىسگە- يەنە بىر قىسىم ئالىملار باركى، ئۇلار ئىلمى كەلام، ھاۋايى تايىنىپ جېدەللىشىش ۋە ئۆزىگە قارشى پىكىردىكىلەرگە رەددىيە بېرىش ئىلمى .بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ئاندىن بۇ ئالىملار ئىككى قىسىمدۇر. بىرى ئازغۇن، يەنە بىرى ھەق.

سۈننەتتىن باشقا يولغا چاقىرىدىغانلار ئازغۇن. سۈننەتكە چاقىرىدىغانلار ھەق. قىسىمدىكىلەردۇر. مەغرۇرلىنىش (ئالدىنىش) ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئازغۇن قىسىمدىكىلەرنىڭ ئالدىنىشى ئاشكارىدۇر.

ھەق قىسىمدىكىلەرنىڭ ئالدىنىشى بولسا ئەڭ مۇھىم ئىشنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەتنى «جېدەللىشىش» دەپ گۇمان قىلىپ قېلىشىدۇر ھەمدە «ھېچقانداق ئادەمنىڭ دىنى ئىزدەنمىسە مۇكەممەل بولمايدۇ، ھەمدە ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىنى شەرتسىز تەسىتق قىلغان كىشى كامىل ئىمانلىق كىشى دەپ قارالمايدۇ» دەپ گۇمان قىلىشىدۇر

ئۇلار بۇ بۇزۇق گۇمانى بائىس مۇنازىرىلىشىشنى ئۆگىنىش ۋە شۇ ھەقتىكى .قاراشلارنى ئىزدەش بىلەن ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى كوردۇر شۇڭا، ئۇلار ئاۋۋالقى ئەسىرگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ئاۋۋالقى ئەسىردىكىلەرگە «ئەڭ ياخشى كىشىلەر» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىگە ھەۋەسلەرنى بىلىپ تۇرۇپ ۋاقىتلىرىنى- ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن بىدئەت ۋە ھاۋايى .ۋە دىنلىرىنى دۈشمەنلىشىش ۋە جېدەللىشىشىلەرگە دۇچار قىلمىغانلىقىغا قارىمايدۇ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ۋە ۋۇجۇدىنى نازارەت قىلىشتىن باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىگە، پەقەت ئازغۇنلۇققا رەددىيە بېرىش زۆرۈرىيىتى ھالال تائام تېپىلسا ئاندىن ئېغىز ئاچىدۇ. كىشىلەرنى بىر بىدئەتنى داۋاملاشتۇرغان ھالدا كۆرسە، ئۇلار بىلەن جېدەللەشمەستىن ۋە مۇنازىرىلەشمەستىن ئۇلاردىن. يىراقلاشقانلىقىغا قارىمايدۇ

،ھەدىستە كېلىشىچە: «بىر قەۋم توغرا يولدا بولغىنىدىن كېيىن ئادىشىدىكەن.» تارتىشقا مۇبتىلا قىلىنىدۇ- ئۇلار چوقۇم تالاش

نەسىھەت قىلىش بىلەن مەشغۇل- يەنە بىر قىسىم ئالىملار باركى، ئۇلار ۋەز، بولىدۇ. قورقۇش، ئۈمىدۋارلىق، سەبرچانلىق، شۈكۈر قىلىش، تەۋەككۈلچىلىك زاھىدلىق، كەسكىنلىك ۋە ئىخلاسمەنلىك قاتارلىق خۇلقلار ۋە قەلبىي سۈپەتلەر. ھەققىدە دەم ئۇرغۇچى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىدۇر — ئۆزلىرىدە بۇ سۈپەتلەر يوق تۇرۇپ— ئۇلار بۇ سۈپەتلەر ھەققىدە سۆزلىسە ئۆزلىرىنى بىز مۇشۇ سۈپەتلەر ئەھلىدىنمىز، دەپ قالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئاللاھ تائالادىن قېچىپ تۇرۇپ، باشقىلارنى ئاللاھ تائالا تەرەپكە دەۋەت قىلىدىغان. كىشىلەردۇر. مانا بۇلار كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئالدانغۇچىلاردۇر

نەسىھەت قىلىشتىكى ۋاجىب يولدىن- بۇ تۈردىكى كىشىلەردىن ۋەز، يىراقلىشىپ، قىزىقارلىق گەپلەرنى كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قارىغۇلارچە جۆيلۈش شەرىئەتكە خىلاپ ۋە ئەقىلگە سىغماس سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا مايىل. بولىدىغان كىشىلەر بار

ئۇلاردىن يەنە ۋىسال ۋە ئايرىلىق ھەققىدىكى شېئىرلارنى دەلىل سۈپىتىدە — يامان مەقسەتلەر بولۇپ— سۆزلەيدىغان كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ مەقسىتى قاتناشقان سورۇنلىرىدا تولا ۋارقىراش ۋە يالغاندىن مۇھەببەت قايغۇسىنى ئاشكارا. قىلىشنى كۆپ قىلىشتۇر. بۇلار بولسا ئىنسانلارنىڭ شەيتانلىرىدۇر، ئۇلاردىن يەنە شۇنداق ئالىملار باركى، ئۇلار ۋاقىتلىرىنى ھەدىسلەرنى ئاڭلاش ھەدىس رىۋايەتلىرىنى، ھەدىسنىڭ يات ۋە يۇقىرى سەنەدلىرىنى توپلاش بىلەن :ئۆتكۈزىدۇ. بەزىلىرى مەقسەتلىك شەھەرلەرنى ئايلىنىپ، ئۇستازلارنى كۆرۈپ «مەن پالانىدىن رىۋايەت قىلىمەن، پالانىغا ئۇچراشقان، مېنىڭ باشقىلاردا يوق. بولغان رىۋايەت قىلىش ئاساسىم بار» دېيىشىدۇ

يەنە ئۇلاردىن گرامماتىكا، ئەرەب تىلى ۋە شېئىر ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆزلىرىنى ئۈممەت ئالىملىرى دەپ گۇمان قىلىدىغان كىشىلەر بار. ئۇلار ۋاقىتلىرىنى گىرامماتىكا ۋە ئەرەب تىلىنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى تەھسىل قىلىش بىلەن

ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشەنسە، ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشتە ئۆمرىنى زايە قىلغۇچى تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشتە ئۆمرىنى زايە قىلغۇچىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ۋە شەرىئەتنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن كەلگەنلىكىلا تۈرك تىلىدىن ئەرەب تىلىنى ئايرىپ. تۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى چۈشىنىش قىيىن بولغان سۆزلەرنى ئەرەب تىلىدىن بىلىش ۋە سۆزلىگەندە تىلنى توغرىلىغۇدەك دەرىجىدە گىرامماتىكا ئىلمىنى بىلىش يېتەرلىكتۇر. چېكىگە يەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەرەب تىلىنىڭ نازۇك تەرەپلىرىگىچە چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ۋە ئېھتىياجلىق ئىلىمنى .ئۆگىنىشتىن مەشغۇل قىلىدۇ

بۇ ئىلىمدە ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە چوڭقۇرلاپ كېتىش بەئەينى قۇرئاندىكى ھەرپلەرنىڭ مەخرەجلىرىنى (چىقىش ئورۇنلىرىنى) توغرىلاش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ. ئۆمرىنى زايە قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ بولسا مەغرۇرلىنىش (ئالدىنىش) تۇر. چۈنكى، ھەرپلەردىن مەقسەت مەنىلەردۇر. ھەرپلەر قاچا ۋە سايمانلارغا ئوخشاشتۇر ئىچىشكە موھتاج بولغان كىشى ۋاقتىنىسەپرانى يوقىتىش ئۈچۈن ئىسكەنجىۋىل شۇنى ئىچىدىغان قاچىنى ياخشىلاش بىلەن ئۆتكۈزسە، ئۇنداق كىشى مەغرۇر .(ئالدانغان) كىشى بولىدۇ

ھەممە نەرسىدىن ئۆزىگە مۇھىم بولغىنىنى ئېلىپ، ئەمەل قىلىشقا ئۆتكەن ۋە ئۆزىنى تۈرلۈك نۇقسانلاردىن پاكلاشقا تىرىشقان كىشى بەختلىك كىشىدۇر. بىزنىڭ. سۆزىمىزنىڭ مەقسىتىمۇ مۇشۇدۇر

يەنە باشقا بىر قىسىم ئالىملار باركى، ئۇلار چوڭ ئالدانغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئۆز - گەدىنىدىكى بېرىشكە تېگىشلىك ھەقلەرنى بەرمەسلىك ئۈچۈن ھەرخىل ھىيلە .مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ ۋە بۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك دەپ ئويلايدۇ ھالبۇكى بۇ ئالدانغانلىقتۇر. چۈنكى، ئىنسان (ئۆزى زالىم تۇرۇپ) ئايالىنى ھەققىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىسا، بەرىبىر ئۆزى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا (ئۇ ئايالغا مۇناسىۋەتلىك ھەقتىن) قۇتۇلالمايدۇ. بۇ خۇددى بىر كىشىنىڭ زاكىتىنى

يىل ئاخىرىدا ئايالىغا سوۋغات قىلىۋېتىشى ۋە زاكات ياتقا كەتمىسۇن ئۈچۈن ئۆزىنىڭمۇ ھىيلە بىلەن ئايالىنىڭ زاكىتىنى ھەدىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىغا ئوخشاشتۇر (بۇنىڭلىق بىلەن ئىككىلىسىنىڭ پەرز زاكىتى ئادا بولمايدۇ). ئۇلار . مىكىرلەرنى قىلىدۇ- مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ھىيلە

ئىبادەتگۇي ۋە ئەمەل قىلىدىغان كىشىلەر ھەققىدە

ئىككىنچى تۈر: ئىبادەت ۋە ئەمەل قىلىدىغان كىشىلەر

ئۇلار بىرنەچچە قىسىمدۇر:

،ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار پەرز ئەمەللەرگە سەل قارايدۇ نەپلە ۋە پەزىلەت ئەمەللىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بەزىدە سۇ ئىشلىتىشتە ئىنچىكىلەپ كېتىپ، تاھارەت ئالغاندا ۋەسۋەسىگە چۈشىدۇ. بەزىدە بىرى قوپۇپ شەرئەن «پاك» سۇغا رازى بولماي، ئۇ سۇنىڭ نىجىسلىق تەرىپى ھەققىدە ھەقىقەتتىن يىراق ئېھتىماللىقلارنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ يېمىكىگە بۇ خىل قىياسلاردا بولمايدۇ. ئەگەر يېمەكتىمۇ سۇغا قىلىنغاندەك، ئېھتىيات قىلىنسا ئىدى، سەلەف سالىھلەرنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش بولاتتى. چۈنكى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناسارا بىر ئايالنىڭ ساپلا قاچىسىدىكى سۇدا ئۇنىڭ ،. ۋەھلاەنكىنىجىس بولۇش ئېھتىماللىقى ئاشكارا تۇرۇپ تاھارەت ئالغان ئىدى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھارامدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىپ تۈرلۈك ھالال. نەرسىلەرنىمۇ يېيىشتىن ساقلىناتتى

سەھىھ ھەدىستە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشرىك. بىر ئايالنىڭ تۇلۇمىدىكى سۇدا تاھارەت ئالغان

ئۇلاردىن سۇنى ئىسراپ قىلىدىغان، سۇنى ئۇزۇنغىچە ئىشلىتىپ، ھەتتا. نامازنىڭ ۋاقتىنى قاچۇرىدىغان كىشىلەر بار

ئۇلاردىن يەنە نامازدىكى بىرىنچى تەكبىردىلا ۋەسۋەسە غالىب كېلىپ، ھەتتا. ئىمام بىلەن بىر رەكئەتمۇ ناماز ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەر بار

ئۇلاردىن يەنە «فاتىھە»دىكى ھەرپلەر ۋە باشقا زىكىرلەرنىڭ ھەرپلىرىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشتا ۋەسۋەسە يېتىدىغان كىشىلەر بار. ئۇلار داۋاملىق جاراڭلىق لاظاء» ئارىسىدىكى پەجاراڭلىق ئاۋازدا ئوقۇلىدىغان ھەرپلەر ۋە «الضَّاد» بىلەن «الظَّاء» ئارىسىدىكى پەرققە ھەددىدىن زىيادە ئېھتىيات قىلىدۇ. ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا شۇنىڭغىلا مەركەزلىشىپ ئۇنىڭدىن باشقىنى تەپەككۇر قىلمايدۇ. قۇرئاننىڭ مەنىسى ۋە قۇرئاننىڭ نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئۇنتۇيدۇ. بۇ بولسا ئالدىنىش تۈرلىرىنىڭ ئەڭ قەبىھلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، كىشىلەر قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا، ھەرپلەرنىڭ مەخرەجلىرىنى ئادەتتە ئۆزئارا سۆزلەشكەندىكىكىدەك دەرىجىدە توغرا چىقىرىشقا. بۇيرۇلغاندۇر

بۇلار بەئەينى سۇلتاننىڭ يېنىغا مەكتۇپ ئېلىپ بارغان، ئاندىن مەكتۇپتىكى ھەرپلەرنىڭ مەخرەجلىرىنى پاساھەت بىلەن چىقىرىش ۋە تەكرارلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتۇپنىڭ مەقسىتى ۋە سورۇن ھۆرمىتىگە رىئايە قىلىشتىن غاپىل قالغان ھالدا سۇلتانغا خەتنى تاپشۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق كىشى سۇلتاننىڭ ! ھە- ھۇزۇرىدىن قوغلىنىشقا ۋە ئەدەبلىنىشىكە نېمىدېگەن لايىق

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئان ئوقۇشى بىلەن ئالدىنىدۇ. ئۇلار قۇرئاننى بەك تېز ئوقۇيدۇ. بەزىدە بىر كۈندە قۇرئاننى ئىككى قېتىم خەتمە قىلىدۇ. گاھى ئارمانلار ۋادىسىدا- بىرى تىلىدا قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ئارزۇ تېڭىرقاپ يۈرىدۇ. ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلمايدۇ، نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە قۇرئاننىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ. بۇلار ئالدانغان كىشىلەر بولۇپ، «قۇرئان پەقەت ئوقۇلسىلا بولدى» دەپ گۇمان قىلغان. كىشىلەردۇر

بۇنىڭ مىسالى بىر قۇلنىڭ مىسالىدۇركى، خوجايىنى قۇلىنى بەزى ئىشلارغا بۇيرۇپ ۋە بەزى ئىشلاردىن توسۇپ ئۇنىڭغا خەت يازىدۇ. قۇل خەتنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بەلكى ئۇ قۇل خوجايىننىڭ بۇيرۇقىغا ۋە چەكلەشلىرىگە قارشى ئىش قىلىپ تۇرۇپ، خوجايىنىنىڭ ئۆزىگە يازغان مەكتۇپىنى پەقەت «ئوقۇلسىلا كۇپايە» دەپ گۇمان قىلىپ، مەكتۇپنى يادقا ئېلىش. ۋە ئۇنى تەكرارلاش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ

ئۇلاردىن بەزىلەر قۇرئاننىڭ مەنىلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ تۇرۇپ، قۇرئان ئوقۇغان ئاۋازىدىن لەززەت ئالىدۇ. شۇڭا، قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچى قەلبىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى، ئۇنىڭ قۇرئان ئوقۇغاندىكى لەززىتى قۇرئاننىڭ تۈزۈلۈشىدىنمۇ يا ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن بولدىمۇ، يا قۇرئاننىڭ مەنىلىرى سەۋەبلىك بولدىمۇ؟ ئۇنى .بىلىشى كېرەك

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار روزا تۇتۇش بىلەن ئالدىنىدۇ. ئۇلار كۆپ روزا تۇتىدۇ، ئەمما تىللىرىنى غەيۋەت قىلىش ۋە ئارتۇقچە سۆزلەرنى

سۆزلەشتىن ساقلىمايدۇ. ئىپتار قىلغان چاغدا قورساقلىرىنى ھارامدىن ۋە .خىياللىرىنى رىيادىن ساقلىمايدۇ

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ھەج قىلىش بىلەن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، بويىنىدىكى قەرزلىرىنى تۆلىمەي ئانىسىنى رازى قىلماي تۇرۇپ ۋە ھالال رىزىق تەلەپ قىلماي تۇرۇپال- تۇرۇپ، ئاتا ھەجگە بارىدۇ. ئۇلار گاھىدا بىر قېتىم پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغاندىن. كېيىنمۇ قايتا بارىدۇ. يولدا نامازلارنى ۋە باشقا پەرز ئىبادەتلەرنى زايە قىلىدۇ كېچەك ۋە بەدىنىنى پاك تۇتالمايدۇ. ھەج جەريانىدا بولمىغۇر گەپ- كىيىم ماجرالاردىن ساقلانمايدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇپ ئۇلار ئۆزلىرىنى- قىلىش ۋە جېدەل. بىز ياخشىلىق ئۈستىدە دەپ ئويلىشىدۇ. بۇلارمۇ ئالدانغان كىشىلەردۇر

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر (ياخشىلىققا. بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش) قىلىدۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى ئۇنتۇيدۇ

ئۇلاردىن يەنە مەسجىدتە ئىمام بولىدىغان، لېكىن ئالدىغا ئۆزىدىنمۇ ئالىمراق. ۋە تەقۋا بىر كىشى ئىمام بولغىلى چىقسا، ئېغىر كېلىدىغان كىشىلەر بار

ئۇلاردىن ئەزان ئېيتىدىغان، ئېيتقان ئەزىنىنى ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن دەيدىغان، لېكىن ئۇ يوق ۋاقىتتا باشقىلار ئەزان ئېيتسا ھار كېلىپ: «ئەزان. ئېيتقۇچى مەن بىلەن مۇئەززىنلىك تالاشتى» دەيدىغان كىشىلەر بار

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى يۇرتلىرىغا تەلپۈنۈپ تۇرسىمۇ، باشقىلاردىن «پالانى مەككەدە تۇرىدىكەن» دېگەن سۆزنى ئاڭلاشنى ماللىرىنىڭ- ئارزۇ قىلىدۇ. بەزىلىرى مەككەدە مۇقىم تۇرىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل مال يىغسا، پىخسىقلىق- كىرلىرىگە كۆز تىكىدۇ. ئەگەر كىشىلەردىن ئازراق پۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا خېلى كۆپ ھالاك قىلغۇچى ئاپەتلەر جەملەنگەن. بولىدۇ

ھەرقانداق ئەمەلنىڭ ئاپىتى بولىدۇ، ئۇ ئاپەتنى بىلمىگەنلەر شۇ ئاپەتكە دۇچار بولىدۇ. شۇ ئاپەتلەرنى بىلىشنى ئىرادە قىلغانلار بىزنىڭ بۇ كىتابىمىزغا قارىسۇن. بۇ كىتابتا رەتلەنگەن بابلاردىكى بارلىق ئەمەللەر ۋە ناماز، روزا. ئىبادەتلىرىدە ھاسىل بولىدىغان رىيا ئاپەتلىرىگە قارىسۇن

بۇ سۆزدىن مەقسەت ئىلگىرى ئۆتۈپ كەتكەن بىر پۈتۈن ئاپەتلەرگە ئىشارەت. قىلىشتۇر

مالدا زاھىدلىق يولىنى- ئۇلاردىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار پۇل

تۇتىدۇ ۋە ئاددىي كىيىملەرنى كىيىش، غورىگىل غىزالىنىش ۋە مەسجىدلەردىلا يېتىپ قوپۇشقا قانائەت قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى زاھىدلارنىڭ مەرتىۋىسىگە ئابرۇي ۋە- يەتتىم دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يۈز باشلىق بولۇشقا قاتتىق قىزىقىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئىككى ئىشنىڭ يەڭگىلرەكىنى .تەرك ئېتىپ، ئىككى ھالاكەتنىڭ چوڭراقىغا چۈشكەن بولىدۇ

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر نەپلە ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ يۇ، پەرز ئىبادەتلەرگە ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. بەزىلىرىنىڭ چاشگاھ- ئوقۇغانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوقۇغانلىقى، كېچىلىرى تەھەججۇد نامىزىنامىزى ئوخشىغان نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن خۇشال بولىدىغانلىقىنى، ئەمما پەرز نامازلار بىلەن لەززەت تاپالمايدىغانلىقىنى ۋە ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇشقا ئالدىرىمايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇنداق كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەرۋەردىگارىدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس قۇدۇسىيدا: «بەندەم مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئىبادەتلەردىنمۇ مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈكرەك بىرنەرسە بىلەن ماڭا . دېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ»يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىغاندۇر

ئەھلىنىڭ بايانى تەسەۋۋۇف

ئۈچىنچى تۈر: سوپىلار

َصََلاَُةُ لاُّضُىَحى ): قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر( چاشگاھ نامىزى ئوقۇلىدىغان كۈندۈزگە تەۋە نەفلە نامازدۇر. ئىككى رەكئەتتىن سەككىز رەكئەتكىچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب ۋە سۈننەت بولۇپ، چاشگاھ نامىزى َصَاَلاُةُ ا َأَأْل�ََّوَاِبَِنيَ)»، «سەلاتۇل ئىشراق (كۈن / يەنە «سەلاتۇل ئەۋۋابىن (ئىتائەتمەنلەر نامىزى �َصَاَلاُةُ اِإْل / يورۇش نامىزى . ت— .)» دەپمۇ ئاتىلىدۇَِِرْش� َاِق :): «تەھەججۇد» سۆزلۈكتە «ئۇخلاش ۋە تۈنەش» مەنىسىدە بولۇپ، فىقھتا «تەھەججۇد» (التَّهَجُّدُ)

كېچىسى ئۇيقۇدىن قوپۇپ تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئوقۇلىدىغان نەفلە نامازدۇر. ئالدىدا ئۇخلىغان بولسۇن، بولمىسۇن كېچىدىكى نەفلە نامازغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئىككى رەكئەتتىن ياكى تۆت، رەكئەتتىن خاھلىغانچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى سۈننەت بولۇپ . ت— .«تەراۋىھ نامىزى» ۋە «قىيامۇل لەيل (كېچىلىك ناماز)»لەرمۇ تەھەججۇد نامىزىدۇر .). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى6502( بۇخارىي ): بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەبىرى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بارُاَّتلَŕص َُّوُُف( تەسەۋۋۇف

بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىخلاس، سەبر، تەۋەككۇل ۋە ئالدانغۇچى سوپىلار بىرنەچچە قىسىم بولىدۇ:

سۆزى ۋە ھالىتى بىلەن مەغرۇرلىنىپ، راستچىل- ئۇلاردىن قىياپىتى، گەپ سوپىلارغا تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئوخشىۋالىدىغانلار بار. ئۇلار ئۆزلىرىنى نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش ۋە مەشىق قىلىشتا چارچاتمايدۇ، بەلكى ھارامغا، شۈبھىلەرگە ۋە سۇلتانلارنىڭ ماللىرىغا دۈم چۈشىدۇ. بىر مەقسەتتە ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشىپ ئابرۇيىنى تۆكىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىنىشى ئوچۇق- قالسا، بەزىسى بەزىسىنىڭ يۈز. ئاشكارىدۇر

بۇ قىسىمدىكى سوپىلار مىسالى بىر قېرى مومايغا ئوخشايدۇكى، ئۇ كەمپىر، جەڭچى قەھرىمان، باتۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ بىر تىزىملىككە يېزىلغانلىقىنى ھەربىر قەھرىمان، باتۇرنىڭ يەر يۈزىدە بىر رايوننى سەپەر بىلەن بېسىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن كەمپىرنىڭ نەپسى شۇنىڭغا ئىشتىياق قىلىپ ، قەھرىمانلارغا ئائىت بېيىتلەرنى يادلاپ- دۇبۇلغا كىيىپ، باتۇر- ساۋۇت . تۇرۇش، ئېسىل سۈپەتلىرىنى ئۆگىنىپ، قوشۇنغا قاتنىشىدۇ- ئالپلارنىڭ يۈرۈش شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىسمى قەھرىمانلارنىڭ تىزىملىكىگە يېزىلىدۇ. نۆۋەت ئۇ پەيلىرىگە قاراپ- قېرى كەمپىر ماھارەت كۆرسىتىشكە كەلگەندە، ئۇنىڭ مۇسكۇل بېقىش ۋە دوئېلغا چۈشۈش بىلەن سىناپ بېقىلىشى ئۈچۈن دۇبۇلغا ۋە ساۋۇتلىرىنى ، ساۋۇتىنى ئېلىپ تاشلىغاندا- ئېلىپ تاشلىشىغا بۇيرۇلىدۇ. كەمپىر دۇبۇلغا ئۇنىڭ ئاجىزە ۋە ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر قېرى موماي ئىكەنلىكى ئاشكارا بولىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: «سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مېھمانلىرىنى مەسخىرە »قىلماقچىمۇ؟!» دېيىلىدۇ ۋە: «ئۇنى تۇتۇپ پىلنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىڭلار. دېيىلىدۇ

سوپىلىقنى دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ يالغان پەردىلىرى قىيامەت كۈنى ئېچىلغاندا ۋە ياماقلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدىغان ئەڭ بۈيۈك- قىياپەت ۋە يىرتىق ھاكىم ئاللاھ تائالا بىلەن يۈزلەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى مانا مۇشۇنىڭغا. ئوخشاش بولىدۇ

سوپىلاردىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي

ئەخلاقىغا چاقىرساق تەسەۋۋۇفتىكى دەتالاش تۈگەيتتى. «تەسەۋۋۇف» ئاتالغۇسى نەفسنى پاكلاش مەنىسىدىكى «تەزكىيە» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەچكە، يەنە كېلىپ تەسەۋۋۇف مەنسۇبلىرى ئىسلامغا يات بولغان ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ھەتتا ئەقىدىلەرنى پەيدا قىلىۋالغان ،»بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇ ئىسلام (قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە) تەشەببۇس قىلغان «تەزكىيە پەزىلەتلەر»نىڭ يۈزىنى قاپلىۋالغان. قاراڭ: شەيخ ئابدۇلبارىي- «ئېھسان» ۋە «گۈزەل ئەخلاق نەدۋىينىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە ھايات» ناملىق ئەسىرىگە شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ يازغان . ت– . بەتلەر- 15 – 3 ،كىرىش سۆزى

مەۋقە، نام- تونۇش ئىلمىنى بىلىدىغانلىقىنى، ھەقنى كۆرىدىغانلىقىنى، ماقام شۆھرەتكە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشقا يەتكەنلىكىنى- دەۋا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ پەقەت ئىسىمىنىلا بىلىدىغان كىشىلەردۇر. بەزىلىرىنى شۇ ئىلىملەرنى بۇ ئىلىم ئاۋۋالقى ۋە ئاخىرقىلارنىڭ. ئىلمىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ، ئۇنى تەكرارلىغان ھالەتتە كۆرىسەن شۇڭا، ئۇ كىشى ئاۋام خەلقتىن سىرت فەقىھلەرگە، مۇھەددىسلەرگە ۋە باشقا ئالىم ئەللامەلەرگە ئۇلارنى تۆۋەن كۆرۈش نەزەرىدە قارايدۇ. ھەتتا بەزى ئاۋام خەلق- ياۋىداق سۆزلەرنى- ئۇلاردىن كۆپ كۈنلەر ئايرىلمايدۇ. ئۇلاردىن ئاشۇ يالغان ئۆگىنىدۇ. ئۇنى خۇددى ۋەھيىدەك تەكرارلايدۇ، ئالىملارنى ۋە ئابىدلارنى تۆۋەن كۆرۈپ، «ئۇلار ئاللاھ تائالادىن پەردىلىنىپ قالغان كىشىلەردۇر، مەن بولسام ھەقكە يەتكەن، ئاللاھقا ئەڭ يېقىن كىشىلەردىنمەن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھ نەزەرىدە مۇناپىق، گۇناھكارلاردىندۇر. ساپ قەلب ئەھلىنىڭ قارىشىدا ھەۋىسىگە- بولسا پۇختا ئىلىم ئالمىغان، ئەخلاقلىرىنى تۈزەتمىگەن، ھاۋايى ئەگىشىش ۋە بىھۇدە سۆزلەرنى يادقا ئېلىشتىن باشقا قەلبىنى نازارەت قىلمىغان. جاھىل ئەخمەقلەردۇر

ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر شەرىئەت بىساتىنى قاتلىۋېتىدۇ. ھۆكۈملەرنى رەت قىلىدۇ. ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىمايدۇ. بەزىسى «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مېنىڭ »ئەمىلىمدىن بىھاجەتتۇر، نېمىشقا ئەمەل قىلىپ ئۆزۈمنى چارچاتقۇدەكمەن؟ .دەيدۇ

، قىممىتى يوق- بەزىلىرى يەنە: «بەدەن بىلەن قىلغان ئەمەللەرنىڭ قەدر، پەقەت قەلبلەرگە قارىلىدۇ، قەلبلىرىمىز ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشكە ئاشىق، ئاللاھ تائالانى تونۇشقا يېتىپ بولغان، بىز دۇنياغا بەدەنلىرىمىز بىلەن چۆكىمىز قەلبلىرىمىز بولسا ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدا مۇقىم تۇرغۇچىدۇر. شۇڭا، بىز قەلبلىرىمىز بىلەن ئەمەس، تاشقى بەدەنلىرىمىز بىلەن شەھۋەتتىمىز» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاۋام خەلق مەرتىۋىسىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، بەدەنگە خاس ئەمەللەرنى قىلىش قۇۋۋىتى- بىلەن نەپسىنى تۈزەشتىن ئۆزىنى بىھاجەت سانايدىغان، كۈچ، بولغانلىقى ئۈچۈن شەھۋەتلەر ئۇلارنى ئاللاھ يولىدىن توسۇيالمايدىغان كىشىلەرمىز دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ دەرىجىسىدىن يۇقىرى ئورۇنغا. كۆتۈرىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەرلەر بىر خاتالىققا بىرنەچچە يىل يىغلايتتى

ئۆزلىرىنى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكەنلەر دەپ قارايدىغانلارنىڭ، ئالدىنىش تۈرلىرى ساناقسىزدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلار ئەگىشىشكە لايىق دىندار ۋە ئىلىم ئىگىسى بىر ئۇستازغا ئەگىشىپ پۇختا ئىلىم ئىگىلىمەي تۇرۇپ

نەپسى بىلەن جىھاد قىلىشقا ئۆتۈۋالغانلىقى ئۈچۈن، شەيتان ئۇلارنى ئالدىغان. سەپسەتە ۋە ۋەسۋەسىلەردۇر

ئۇلاردىن يەنە بىر قىسىم سوپىلار باركى، ئۇلار بۇ يول بىلەن نەپسىگە قارشى مەرىپەت- جىھاد قىلىدۇ. ئۇلار بۇ يولغا قەدەم قويۇشى بىلەن ئۇلارغا ئىلىم مەرىپەت پرىنسىپلىرىنىڭ ھىدىنى ئالغاندا- ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. ئۇلار ئىلىم تاڭ- مەرىپەتنىڭ ئاجايىباتلىرى ھاڭ- ھەيرەت ئىچىدە سۆيۈنىدۇ. ئىلىم قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئىلىم مەرىپەت ئىشىكىنىڭ ئۇلارغا ئېچىلىپ، باشقىلارغا قانداق ئېتىلگەنلىكىگە- باغلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ يولىنىڭ ئاجايىباتلىرىنىڭ چېكى يوقتۇر. ئەگەر كىشى ھەربىر ئاجايىباتتا توختاپ تۇرۇپ قالسا، ئىلگىرىلىشى ئاستىلاپ، مەقسەتكە يېتىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇنداق كىشى بەئەينى پادىشاھنىڭ يېنىغا كېتىۋېتىپ، يول چېچەككە پۈركەنگەن بىر باغنى كۆرگەن ۋە توختاپ- ئۈستىدە تەڭداشسىز گۈل ئۇنى بېرىلىپ تاماشا قىلىپ، پادىشاھ بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. كىشىگە ئوخشايدۇ

زەردارلار ھەققىدە- باي

بايلار— تۆتىنچى تۈر: مال ئىگىلىرى بايلار بىرنەچچە قىسىمدۇر.

كۆۋرۈكلەر- ئۆتەڭلەر، يول- مەدرىسەلەر، دەڭ- بىر قىسىم بايلار مەسجىد ئاشكارا كۆرەلەيدىغان يەرلەرنى بىنا قىلىشقا ھېرىسمەن- ياكى كىشىلەر ئوچۇق بولىدۇ. ئۇلار شۇ يەرلەرگە ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈ ئەسلىنىپ تۇرۇشى ۋە ئۆلگەندىن ئىزلىرى خاتىرىلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن ئىسىملىرىنى يازىدۇ. ئۇلارغا- كېيىنمۇ ئىش ساخاۋىتى ئۈچۈن ئىسمى يېزىلمايدىغان بىر يەرگە بىر تىللا بولسىمۇ- خەير ساخاۋەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنسا، ئۇنىڭغا ئەلبەتتە ئېغىر كېلىدۇ. ئەگەر ئۇلار، خالايىقنىڭ رازىلىقىنى ئەمەس، ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسىنى كۆزلىگەن بولسا ئىدى ،نەپىقە قىلىش ئۇلارغا ھەرگىز ئېغىر كەلمىگەن بولاتتى. چۈنكى، ئسمىنى يازسۇن. يازمىسۇن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر

بەزىلىرى مېلىنى نامازخانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ۋە چەكلىنىدىغان نەقىشلەر بىلەن مەسجىدنى بېزەشكە سەرپ قىلىدۇ. چۈنكى، نامازدىكى مەقسەت. خۇشۇئ ۋە ھۇزۇرى قەلبتۇر. نەقىش ۋە بېزەكلەر نامازخانلارنىڭ قەلبلىرىنى بۇزىدۇ

ئەگەر ئۇ كىشى سەرپ قىلغان مال ھارام مال بولۇپ قالسا، ئالدىنىش تېخىمۇ .قاتتىق بولىدۇ

مالىك ئىبنى دىنار رەھىمەھۇللاھ: «بىر كىشى مەسجىدكە كېلىپ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ: ‹مەندەك ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ› دېدى ۋە ئۇ .شۇ ئورنىدىلا ‹سىددىق كىشى› دەپ يېزىلدى» دېگەن

مەسجىدلەر ئەسلىدە مۇشۇنداق ئۇلۇغلىنىشى كېرەك. يەنى ئۆزىنىڭ مەسجىدكە كىرىشى بىلەن مەسجىدنى بۇلغىغانلىقىنى مەسجىد ھەققىدە ئىشلەنگەن بىر جىنايەت دەپ قارىشى، ھەرگىزمۇ، مەسجىدنى ھارام پۇل بىلەن ياكى دۇنيالىق زىننەتلەر بىلەن بېزەشنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلغان ساۋابلىق ئىشىم دەپ قارىۋالماسلىقى كېرەك. دېمەك، بۇ تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئالدىنىشى مۇنكەرنى .ياخشى ئىش دەپ قارىغانلىقىدىندۇر

يەنە بىر قىسىم بايلار باركى، ئۇلار ماللىرىنى ساقلاپ، بېخىللىق قىلىپ چىڭ سىقىۋالىدۇ. ئۇلار مال سەرپ قىلىنمايدىغان روزا، ناماز، خەتمە قۇرئان كەبى ،ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. مانا بۇلار ئالدانغان ئىنسانلاردۇر. چۈنكى بېخىللىق ھالاك قىلغۇچى ئىشتۇر. بۇ ھالاك قىلغۇچى ئىش ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئىگەللىۋالغان بولۇپ، ئۇلار نەپىقە قىلىش ئارقىلىق بۇ بېخىللىقنى قومۇرۇپ تاشلاشقا موھتاجدۇر. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىگە ۋاجىب بولمىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولغانلاردۇر. ئۇلار ئەينەن كىيىمىگە يىلان كىرىۋالسا، يىلاننى چىقىرىۋېتىشنىڭ ئورنىغا سەپرانى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن. ئىسكەنجىۋىل تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ

نەپسى پەقەت زاكاتنى ئادا قىلىشقىلا رۇخسەت قىلىدىغان كىشىلەر بار. ئۇنداق كىشى زاكات بەرگەندە مالنىڭ ناچىرىنى زاكات سۈپىتىدە بېرىدۇ ياكى نامراتلاردىن كېلىش قىلىدىغان نامراتلارغا، ياكى- ئۆزىگە خىزمەت قىلىدىغان، بېرىش كېلەچەكتە ئۇنىڭغا موھتاج بولىدىغان، ياكى ئۆزىنىڭ بىرەر غەرىزى بار نامراتقىلا. زاكىتىنى بېرىدۇ

مۆتىۋەر كىشىلەرگە باشقىلارغا تارقىتىپ- ئۇلاردىن يەنە زاكاتنى بەزى كاتتا بېرىشى ئۈچۈن، بۇ ئارقىلىق ئۆزى شۇ زاتنىڭ نەزەرىدە ھۆرمەتكە ئېرىشىش ۋە ھاجەتلىرىنى راۋا قىلغان كىشى بولۇشىنى كۆزلەپ تاپشۇرۇپ بېرىدىغان كىشىلەر بار. بۇنىڭ ھەممىسى نىيەتنى بۇزغۇچى ئەمەللەردۇر ۋە بۇنداق قىلغۇچى ئالدانغان كىشىدۇر. چۈنكى، ئۇ كىشى باشقىلاردىن بەدەل ئېلىپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا. ئىبادەت قىلغان بولىدۇ

يەنە بىر قىسىم بايلار باركى، ئۇلار زىكىر سورۇنلىرىغا قاتناشقانلىقى بىلەن ئىبادەتلەر- ئالدىنىدۇ. ئۇلار: «شۇنداق سورۇنلارغا قاتنىشىش ئۆزلىرىنى ئەمەل. ۋە نەسىھەت ئاڭلاشتىن بىھاجەت قىلىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس چۈنكى، زىكىر سورۇنى ياخشىلىق قىلىشقا قىزىقتۇرغانلىقى ئۈچۈنلا باشقا سورۇنلاردىن ئەۋزەلدۇر. ھەرقانداق بىر ئىش بىلەن باشقا بىر ئىش كۆزلەنسە ۋە شۇ ئىش كۆزلەنگەن ئىشقا يەتكۈزمىسە ئۇنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ. بەزى !بىرلىرى قورقۇتقۇچى نەسىھەتنى ئاڭلىسا: «ئى تىنچلىق بېغىشلىغۇچى ئاللاھ سەن سالامەت قىلغىن!» ياكى «ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دەيدۇ ۋە ئۆزىنى مەقسەت قىلىنغان ئىشقا كەلدىم، دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق كىشى خۇددى تېۋىپنىڭ يېنىغا كەلگەن بىر كېسەلگە ئوخشايدۇ. كېسەل تېۋىپنىڭ دېگەنلىرىنى تولۇق ئاڭلايدۇ ياكى ئۇ ئۆزىگە لەززەتلىك يېمەكلىكلەرنى بۇيرۇپ بېرىدىغان بىر كىشىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئاچ قورساق كىشىگە ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ كىشى .قايتىپ كېتىدۇ، تېۋىپنىڭ دېگەن گېپى ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى دەفئ قىلالمايدۇ

ئىبادەتلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى ئاڭلاپ قويۇش- ئەمەل قىلماستىن، تائەت - نەسىھەت سېنىڭ ئىش- مۇشۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. دېمەك، ھەرقانداق ۋەز نەسىھەت سېنىڭ زىيىنىڭغا- ھەرىكەتلىرىڭگە تەسىر كۆرسەتمىسە ئۇنداق ۋەز. پاكىت بولىدۇ

سوئال: «يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالدىنىشلارنىڭ يۈز بېرىشلىرى قۇتۇلغىلى »بولمايدىغان بىر ئىشقۇ؟

جاۋاب: ئاخىرەت مەركىزى بىر سۈپەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. ئۇ بولسىمۇ قەلبنى توغرىلاشتىن ئىبارەت. قەلبىنى توغرىلاشتىن پەقەت نىيىتى دۇرۇس بولمىغان كىشىلا ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئەگەر ئاخىرەت ئىشىغا دۇنيا ئىشىغا. كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلسە، ئەلبەتتە ئاخىرەت نىشانىغا يەتكەن بولاتتى سەلەف سالىھلەر ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەن كىشىلەر شۇنداق قىلغان. ئىدى

مەغرۇرلىنىشتىن (ئالدىنىشتىن) قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۈچ نەرسىدىن پايدىلىنىشقا :بولىدۇ

بىرىنچى: ئەقىل. ئەقىل بولسا ئىنساننىڭ شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدىغان. ئەسلى نۇرىدۇر

، مەرىپەت بىلەن ئىنسان ئۆزىنى- مەرىپەت. ئىلىم- ئىككىنچى: ئىلىم. پەرۋەردىگارىنى، دۇنيا ۋە ئاخىرىتىنى تونۇيدۇ

ئۇشبۇ كىتابتىكى «ياخشى كۆرۈش ھەققىدە»، «قەلبنىڭ ئاجايىباتلىرىنىڭ »شەرھى»، «تەپەككۇر قىلىش توغرىسىدا»، «شۈكرى قىلىش توغرىسىدا قاتارلىق تېمىلاردا نەپسنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ. سۈپەتلىرىگە ئىشارەتلەر بار

،»دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى تونۇشقا بۇ كىتابتىكى «دۇنيانى ئەيىبلەش ھەققىدە «ئۆلۈمنى ئەسلەش ھەققىدە» قاتارلىق تېمىلاردا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلاردىن. پايدىلانسا بولىدۇ

مەرىپەتلەر ھاسىل بولسا قەلبتە ئاللاھ تائالانى تونۇش ئارقىلىق- بۇ ئىلىم ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش، ئاخىرەتنى ھەقىقىي تونۇش ئارقىلىق ئاخىرەتكە قىزىقىش ۋە دۇنيانى تونۇش ئارقىلىق دۇنيادىن يۈز ئۆرۈش ھاسىل بولىدۇ. شۇ ،ئارقىلىق كىشىگە ئەڭ مۇھىم بولىدىغان ئىش كىشىنى ئاللاھ تائالاغا يەتكۈزىدىغان ئاخىرەتتە مەنپەئەت بېرىدىغان ئىش بولىدۇ. دۇنيادا قەلبكە بۇ ئىرادە غالىب كەلسە، ئۇ كىشىنىڭ بارلىق ئىشلاردا نىيىتى توغرا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بارلىق ئۆزىنى تونۇش- مەغرۇرلىنىشلار يوقايدۇ. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇش ۋە ئۆز بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتى كىشىنىڭ قەلبىگە غالىب كەلسە، ئۇ كىشى ئاللاھ— ئۈچىنچى ئىشقا موھتاج بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئىلىمدۇر. يەنى، بۇ ئىلىم تائالا تەرەپكە يول ئېلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئۇ يولنىڭ ئاپەتلىرىنى بىلىش ۋە ئاللاھ تائالاغا نېمە يېقىن قىلىدۇ، ئاللاھ تائالادىن نېمە يىراق قىلىدۇ .قاتارلىقلارنى بىلىش ئىلمىدۇر. بۇلارنىڭ تەپسىلاتى ئۇشبۇ كىتابىمىزدا مەۋجۇدتۇر

كىشى ئىبادەتلەر قىسمى ۋە ئادەتلەر قىسمىدىن ئۆزى موھتاج بولىدىغان ۋە موھتاج بولمايدىغان ئىلىملەرنى ئۆگەنگەي ۋە شەرىئەت ئەدەبلىرى بىلەن. قوراللانغاي

ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئىشلاردىن يامان سۈپەتلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغاندىن. كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇلىدىغان ماختىلىدىغان سۈپەتلەرنى بىلسە بولىدۇ

كىشى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بىلسە بىز ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن تۈرلۈك ئالدىنىشلاردىن ساقلىنىشى مۇمكىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى .بىلگۈچىدۇر

كىشى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلسا، ئۆزىنى شەيتاننىڭ ئالداپ كېتىشىدىن ۋە ئۇنى باشلىق بولۇشقا چاقىرىشىدىن، ھەمدە ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە مىكرىدىن ئەمىن

. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىخلاس قىلغۇچىلاربولۇشقا قىزىقتۇرۇشىدىن قورقۇشى كېرەك. چوڭ خەتەر ئۈستىدە دېيىلىدۇ

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئۆلۈم ئالدىدا ئىدى، شەيتان ئۇنىڭغا:

— مەندىن قۇتۇلدۇڭ، — دېگەنىدى، ئىمام ئەھمەد:

دېدى — ياق! ھەنۈز قۇتۇلمىدىم، جان چىققاندا ئاندىن قۇتۇلىمەن—

شۇڭا، ئاللاھ تائالانىڭ دوستلىرىنىڭ قەلبلىرىدىن داۋاملىق ئاللاھ تائالادىن. قورقۇش ئايرىلماسلىقى كېرەك

ئاللاھ تائالادىن ئالدىنىشلاردىن سالامەت قىلىشىنى ۋە ھاياتىمىزنى گۈزەل رەۋىشتە ئاخىرلاشتۇرۇشقا نېسىپ قىلىشىنى سورايمىز. «ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىگە يېقىندۇر، دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر» «11ھۇد-61».

مەغرۇرلىنىش ھەققىدىكى تېما بۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

ئەمدى تۆتىنچى قىسىم ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئىشلارنى بايان قىلىشنى باشلايمىز.

ئىزاھاتلار:

  • 344( بۇخارىي
يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.