تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت: ...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى
كونا ھۆججەتلەرنى تازىلاپ ئەڭ يېڭى مەزمۇنلارنى يۈكلەيدۇ

2-قىسىم: ئادەتلەر

ئىككىنچى قىسىم: ئادەتلەر

بۆلۈم: “ئىككىنچى قىسىم: ئادەتلەر”

سەككىزىنچى بۆلۈم: تاماقلىنىش، تاماقنى يىغىلىپ يېيىش، زىياپەت ۋە شۇنىڭدەك ئىشلارنىڭ ئەدەبلىرى

بۆلۈم: “سەككىزىنچى بۆلۈم: تاماقلىنىش، تاماقنى يىغىلىپ يېيىش، زىياپەت ۋە شۇنىڭدەك ئىشلارنىڭ ئەدەبلىرى”

تاماق يېيىشنىڭ ئەدەبلىرى: تاماقتىن بۇرۇنقى، تاماق ئۈستىدىكى ۋە تاماقتىن كېيىنكى ئەدەب قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

تاماقتىن بۇرۇنقى ئەدەبلەر

بۆلۈم: “تاماقتىن بۇرۇنقى ئەدەبلەر”
  1. ھەدىستە كەلگەندەك، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ئىككى قولىنى يۇيۇش؛ چۈنكى، قول دېگەن كىردىن خالىي بولالمايدۇ.

  2. تاماقنى يەرگە سېلىنغان داستىخانغا قويۇش؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاماقنى يەر داستىخىندا يەيتتى. شۇنداقلا بۇ ھەرىكەت كەمتەرلىككە دالالەتتۇر.

  3. داستىخاندا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ، سول پۇتىغا تايىنىپ ئولتۇرۇش ۋە شۇ تاماقنى ھۇزۇر بىلەن يەۋېلىشنى ئەمەس، يەپ كۈچلىنىپ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشنى نىيەت قىلىش؛ بۇ نىيەتنىڭ توغرا ئالامىتى: قورساق لىق تويغۇدەك ئەمەس، ھاجەتنى قامدىغۇدەك يېيىشتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئادەم بالىسى تولدۇرىدىغان قاچىلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئۆز قورسىقىدۇر. ئادەم بالىسىغا ھاياتىنى ساقلىيالىغۇدەك يەپ - ئىچىش كۇپايە. ئەگەر كۆپرەك يېيىش زۆرۈر بولسا، قورسىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن، ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن، ئۈچتىن بىرىنى (راھەت) نەپەسلىنىش ئۈچۈن بوش قويسۇن» دېگەن.

توغرا نىيەتنىڭ يەنە بىر زۆرۈر ئالامىتى پەقەت قورسىقى ئاچقاندىلا تاماقلىنىش ۋە قورساق تويۇپ كېتىشتىن بۇرۇن قولنى تائامدىن تارتىشتۇر. كىشى شۇندىلا ئەمچىگە موھتاج بولمايدۇ.

  1. بارىغا رازى بولۇش ۋە ئاز بولسىمۇ رىزىقنى كەمسىتمەسلىك، شۇنداقلا بالىچاقىلىرىنى چاقىرىپ بولسىمۇ مۇمكىنقەدەر تاماققا كۆپ قول بىرلىكتە تېگىشكە تىرىشىش.

تاماق ئۈستىدىكى ئەدەبلەر

بۆلۈم: “تاماق ئۈستىدىكى ئەدەبلەر”
  1. تاماقنى بىسمىللاھ بىلەن باشلاش، يەپ بولۇپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش؛

  2. لوقمىنى ئوڭ قولدا ۋە كىچىك - كىچىك ئېلىش، ياخشى چايناپ يېيىش، باشتىكى لوقمىنى يۇتۇپ بولماي تۇرۇپ، ئىككىنچى لوقمىغا قول سوزماسلىق ۋە يېمەكلىكنى ئەيىبلىمەسلىك؛

  3. تاماقنى ئالدىدىن يېيىش؛ لېكىن مېۋىگە ئوخشاش تۈرى كۆپ يېمەكلىك بولسا تاللاپ يېسە بولىدۇ. ئۈچ بارمىقى بىلەن يېيىش ۋە داستىخانغا لوقما چۈشۈپ كەتسە ئۇنى ئېلىش؛

  4. قىزىق تاماقنى پۈۋلىمەسلىك، خورما بىلەن ئۇرۇقىنى بىر تەخسىگە قويماسلىق ياكى ئۇرۇقنى ئالىقانغا يىغىۋالماسلىق، بەلكى ئېغىزىدىن چىقىرىپ سىقىملاپ ئېلىپ تاشلىۋېتىش؛ ئۇرۇقى ۋە شۆپىكى بار ھەرقانداق مېۋىنى مۇشۇ بويىچە يېيىش. تاماق ئۈستىدە سۇ ئىچمەسلىك لازىم. بۇ تېببىي جەھەتتىن تولىمۇ پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ.

سۇ ئىچىشكە كەلسەك: قاچىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇش، ئىچىشتىن بۇرۇن قاچا ئىچىگە قارىۋېتىش. قاچىنى كۆتۈرگەن پېتى بىر تىنىقتا ئىچىۋەتمەسلىك، بەلكى سۈمۈرۈپ ئىچىش ئەدەب جۈملىسىدىندۇر.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «سۇنى سۈمۈرۈپ ئىچىڭلار، بىر كۆتۈرگەنچە تىنماي ئىچىۋەتمەڭلار، چۈنكى سۇنى بىر تىنىقتا تىنماي ئىچىۋېتىش جىگەر كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ». شۇنداقلا ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچمەسلىك ۋە سۇ ئىچكەندە ئۈچ قېتىم تىنىۋېلىش كېرەك. «سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قاچىدىن سۇ ئىچكەندە ئۈچ قېتىم تىنىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. تىنىش دېگەندە قاچىدىن سۇ ئىچكەندە قاچىنىڭ ئىچىگە تىنمىغان ھالدا، قاچىنى ئېغىزىدىن يىراق قىلىپ تىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

تاماقتىن كېيىنكى مۇستەھەب ئەدەبلەر

بۆلۈم: “تاماقتىن كېيىنكى مۇستەھەب ئەدەبلەر”

تاماقتىن پېشىپ بولغاندىن كېيىن، قورساق تويۇپ كېتىشتىن بۇرۇن قولنى تائامدىن تارتىش؛ بارماقلىرىنى تىلى بىلەن يالاپ پاكىزلاش، داستىخاندىكى پارچىلارنى يىغىشتۇرۇش؛ ئاندىن تاماقتىن كېيىن قولىنى يۇيۇپ ئېغىزىنى چايقاش ۋە چىش كولىغۇچ بىلەن چىشلىرىنى تازىلاش كېرەك. ئاندىن سەمىمىيلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش مۇستەھەبتۇر.

يىغىلىشىپ ۋە بىرلىكتە تاماق يېگەندە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قوشۇمچە ئەدەبلەر

بۆلۈم: “يىغىلىشىپ ۋە بىرلىكتە تاماق يېگەندە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قوشۇمچە ئەدەبلەر”

بىرلىكتە تاماق يېگەندە، ئۆزىدىن يېشى چوڭلار ياكى پەزىلەتلىك كىشىلەر بولسا، ئۇلار تائامغا قول ئۇزىتىشتىن بۇرۇن قول ئۇزاتماسلىق؛

سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇۋالماي، ياخشى گەپلەرنى، ئەدەپ-ئەخلاق ھېكايىلىرىنى قىلىشىپ بېرىش؛

ھەمراھىنىڭ كۆڭلى سۆيىدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا تارتىپ بېرىش ۋە ئۆزى يېمەكچى بولغان نەرسىنى قېرىندىشىغا تەقدىم قىلىپ، ئىيثار (ئۆزىدىن باشقىنى ئۈستۈن كۆرۈش) ئەدەبىنى نامايان قىلىش؛

ھەمراھلىرىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلماسلىق ئۈچۈن دوستلار تاماق يەۋاتقاندا ئۇلارنىڭ يېيىشىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرماسلىق؛

باشقىلار ئەيىب سانايدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش. مەسىلەن: قولنى قاچىغا سىلكىمەسلىك، لوقمىنى ئېغىزغا سېلىشتا ئېڭىشىپ باشقا قاچىغا يېقىن ئەكەلمەسلىك، ئاغزىدىن بىرنەرسە چىقارسا يۈزىنى تاماقتىن بۇراپ تۇرۇپ ئۇ نەرسىنى سول قولى بىلەن ئېلىش، مايلىق لوقمىنى سىركىگە مېنىش ياكى سىركىنى مايلىق لوقمىغا قويۇشتىن ساقلىنىش؛ چۈنكى باشقىلار بۇنى يامان كۆرۈشى مۇمكىن.

دوستلارغا تائام بېرىش ئەدەبلىرى توغرىسىدا

بۆلۈم: “دوستلارغا تائام بېرىش ئەدەبلىرى توغرىسىدا”

دوستلارغا تائام بېرىش، مېھمان قىلىش ساۋابى كاتتا ئەمەللەردىندۇر. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سائ (تەخمىنەن 3 كىلوگرام) تائام ھازىرلاپ، دوستلىرىمنى مېھمان قىلىشىم مەن ئۈچۈن بازارغا چىقىپ بىر قۇل ئازاد قىلىشىمدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر» دېگەن. سەلەف سالىھلەر دوستلىرىغا تائام بېرىشكە بەك ھېرىسمەن ئىدى.

تائام بېرىشتە ھەددىدىن زىيادە چىقىم قىلىش، بەلنى سۇندۇرىدىغان دەرىجىدە زورۇقۇش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ. ساھىبخان ئۆيىدە بار نەرسىنى سۇنۇشى كېرەك.

تاماق يەۋاتقان كىشىلەرنىڭ يېنىغا كىرمەسلىك توغرىسىدا

بۆلۈم: “تاماق يەۋاتقان كىشىلەرنىڭ يېنىغا كىرمەسلىك توغرىسىدا”

بىر كىشىنىڭ باشقىلار تاماق يەۋاتقان ۋاقىتنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن كىرىشى توغرا ئەمەس. ئاللاھ تائالا «33ئەھزاب-53» ئايىتىدە: «ئى مۇئمىنلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە تائامغا ئىجازەت بېرىلمىگۈچە كىرمەڭلار، تائامنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ تۇرماڭلار…» دەپ بۇيرۇغان. بۇنداق ۋاقىتسىز كىرىۋېلىش پەسكەشلىك ۋە قاراۋۇرۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تاسادىپىي كىرىپ قالسا، تائام يېيىشكە چاقىرىلسا، كۆڭلىدە «بۇلار مېنى كۆڭلى سۆيۈپ چاقىرىۋاتامدۇ ياكى يۈز-خاتىرە قىلىۋاتامدۇ؟» دەپ ئويلانسۇن. ئەگەر ھەقىقىي رازىلىق بىلەن چاقىرسا يېسۇن، بولمىسا يېمىسۇن.

زىياپەت بېرىش ۋە زىياپەتكە قاتنىشىشنىڭ ئەدەبلىرى

بۆلۈم: “زىياپەت بېرىش ۋە زىياپەتكە قاتنىشىشنىڭ ئەدەبلىرى”

زىياپەتنىڭ ئەڭ تەكىتلەنگىنى توي زىياپىتى (ۋەلىمە)دۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «بىر قوي بىلەن بولسىمۇ توي زىياپىتى بەرگىن» دېگەن.

زىياپەتكە چاقىرىلغان كىشى زىياپەتكە بېرىشى كېرەك. بىر ھەدىستە: «كىمكى دەۋەتكە ئىجابەت قىلمىسا، ئۇ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ» دېيىلگەن. لېكىن تۆۋەندىكىدەك سورۇنلارغا بارماسلىق كېرەك:

  • سورۇندا ھارام ئىشلار ئاشكارا قىلىنىدىغان بولسا؛ مەسىلەن، ھاراق-شاراب قۇيۇلسا، يىپەك ۋە كۈمۈش قاچىلار ئىشلىتىلسە، ناخشا-مۇزىكا ۋە ئەۋرەت ئېچىلىدىغان ھالەت بولسا؛
  • زىياپەت چاقىرغۇچى پۇل-مېلىنىڭ كۆپىنچىسى ھارام كىشى بولسا ياكى زىياپىتى پەقەت بايلارغىلا خاس، نامراتلار قوغلىنىدىغان زىياپەت بولسا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زىياپەتلەرنىڭ ئەڭ يامىنى بايلار چاقىرىلىپ نامراتلار تاشلاپ قويۇلغان زىياپەتتۇر» دېگەن)؛
  • ساھىبخان پەخىرلىنىش، رىيا ۋە شۆھرەت ئۈچۈن قىلغان بولسا؛
  • ساھىبخان زالىم، پاسىق ياكى بىدئەتچى بولسا.

زىياپەتكە بارغاندا كەمتەرلىك بىلەن بېرىش، تۆردىن ئورۇن تاللىۋالماسلىق، تاماق تەرەپكە كۆپ قارىماسلىق ئەدەپتۇر.

تائام سۇنۇشنىڭ ئەدەبلىرى

بۆلۈم: “تائام سۇنۇشنىڭ ئەدەبلىرى”

تائام سۇنۇشنىڭ ئەدەبلىرى بەشتۇر:

  1. تاماقنى تېزراق ئەكىلىش؛ بۇ مېھماننى ئىززەت قىلغانلىق جۈملىسىدىندۇر.

  2. تاماقتىن بۇرۇن مېۋە-چېۋە كەلتۈرۈش؛ چۈنكى تاماقتىن بۇرۇن مېۋە-چېۋە يېيىش تېببىي جەھەتتىن پايدىلىقتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: «ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ» «56ۋاقىئە-20-21» دېگەن. مېۋە-چېۋىدىن كېيىن كەلتۈرۈلىدىغان ئەڭ ئەۋزەل نەرسە گۆشتۇر، بولۇپمۇ كاۋاپ قىلىنغان گۆش. گۆشتىن كېيىنكى ئەۋزەل تاماق نان چىلانغان شورپا، ئاندىن ھالۋىدۇر. بۇ ياخشى تاماقلارنىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇ ئىچىش زىياپەتنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. قول چايقىغاندا ئىلمان سۇ قويۇش ئەدەبنى ۋايىغا يەتكۈزۈشتۇر.

  3. ھازىرلىغان بارلىق تاماقلارنى داستىخانغا تولۇق ئېلىپ كېلىش؛

  4. تاماقلارنى ئېلىپ كېتىشكە ئالدىرىماسلىق، بەلكى مېھمانلار قوللىرىنى تاماقتىن تارتقۇچە داستىخاندا قالدۇرۇش؛

  5. تاماقنى يەتكۈدەك مىقداردا ئېلىپ كېلىش؛ چۈنكى، تاماقنى ئاز ئەكىلىش ئادىمىگەرچىلىكتە ئەيىب سانىلىدۇ.

تائامنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا تارتىشتىن بۇرۇن بالا-چاقىلارنىڭ نېسىۋىسى ئايرىپ قويۇلىدۇ. مېھمان قايتماقچى بولسا، ئۇزىتىپ ئىشىك ئالدىغىچە بىللە چىقىش ھەم سۈننەت، ھەم مېھماننى ئىززەتلەشتۇر. مېھمانغا خۇشچىراي بولۇش، مېھمان ئۆيگە كىرگەندە، داستىخان ئۈستىدە ۋە ئۆيدىن چىققاندا ياخشى سۆزلەرنى قىلىش مۇكەممەل ساھىبخانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مېھمانمۇ ساھىبخاندىن كەمچىلىك ئۆتۈلگەن تەقدىردىمۇ رازىمەنلىك بىلەن قايتقاي. مېھمان بارغان ئۆيدە قانچىلىك تۇرۇشتا ساھىبخاننىڭ ئەھۋالىنى ئايىشى، قايتماقچى بولسا ئۆي ئىگىسىنىڭ رازىلىقى ۋە ئىزنى بىلەن چىقىشى كېرەك.

ئىزاھاتلار:

  • ئەبۇ داۋۇد (3761): «تاماقنىڭ بەرىكىتى تاماقتىن بۇرۇن ۋە تاماقتىن كېيىن قولنى يۇيۇش» دەپ كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ ۋە بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەرنىڭ سەنەدى زەئىفتۇر (ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇلئەھادىيسىززەئىفە»، 168). ئەمما، جۇنۇب ھالەتتە تاماق يېمەكچى بولسا قولىنى يۇيۇش سەھىھ ھەدىسلەرگە بىنائەن سۈننەتتۇر.
  • ئەھمەد (17225)؛ تىرمىزىي (2380)؛ ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2265): «سەھىھ» دېگەن.
  • دەيلەمىي: «ئەلفىردەۋس بىمەئسۇرىلخىتاب» (1070). مۇسلىم (2042). يەنە ھەزرىتى ئەنەس ۋە بەزى تابىئىنلەردىن مۇرسەل رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1428) دە مەرفۇئلۇقىنى «زەئىف»، مۇرسەللىكىنى «سەھىھ» دېگەن. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاندىكى، سۇنىڭ بىراقلا جىگەرگە ھۇجۇم قىلىشى جىگەرنى ئاغرىتىدۇ ۋە ھارارىتىنى ئاجىزلىتىدۇ. تەدرىجىي كەلسە ئۇنداق زىيانلىق بولمايدۇ» دېگەن («زادۇلمەئاد»، 4/205).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5631)؛ مۇسلىم (2028). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • مۇسلىم (2734).
  • بۇخارىي (5456)؛ مۇسلىم (2022).
  • تىرمىزىي (1832): «ھەسەن، غەرىب» دېگەن.
  • ئەبۇ داۋۇد (3722)؛ تىرمىزىي (1858).
  • بۇ بەزى سەلەف سالىھلەرنىڭ سۆزى بولۇپ، بىر ھەدىستە: «مۇئمىندىن باشقىسى بىلەن دوست بولما، تامىقىڭنى تەقۋاداردىن باشقىسى يېمىسۇن!» دەپ كەلگەن. ئەبۇ داۋۇد (4832).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5403)؛ مۇسلىم (2020).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5434)؛ مۇسلىم (2065).
  • ئەھمەد (14400)؛ ئەبۇ داۋۇد (3741)؛ تىرمىزىي (1878)؛ ئالبانىي («ئىرۋائۇلغەلىيل»، 1950): «سەھىھ» دېگەن.
  • بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 8928). ئالبانىي («زەئىفۇلجامىئ»، 2110): «بەك زەئىف» دېگەن.

توققۇزىنچى بۆلۈم: نىكاھ، نىكاھنىڭ ئەدەبلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

بۆلۈم: “توققۇزىنچى بۆلۈم: نىكاھ، نىكاھنىڭ ئەدەبلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر”

ئالىملار ئۆيلىنىشنىڭ مۇستەھەب، قىلىشقا قىزىقتۇرۇلغان ۋە پەزىلەتلىرى كۆپ ئىش ئىكەنلىكىدە بىلئىتتىپاقتۇر. ئۆيلىنىشنىڭ پايدىلىرى كۆپتۇر. شۇ جۈملىدىن:

  1. بالىلىق بولۇش؛ نىكاھ ئەۋلاد قالدۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى، ئىنسان نەسلىنىڭ كاپالىتى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ سۆيگۈسىگە ھەمدە ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەخىرلىنىدىغان كىشىلەرنى كۆپەيتىپ، ئۇ زاتنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىلىدۇ. ياخشى پەرزەنتنىڭ دۇئاسى بەرىكەتتۇر، سەبىيلىكتە ئۆلگەن بالا شاپائەت سەۋەبىدۇر.

  2. شەھۋەتنىڭ زىيىنىدىن قۇتۇلۇپ، شەيتاندىن ساقلىنىش؛ نىكاھتا ھەم نەپسنى راھەتلەندۈرۈش، ھەم جۆرىسى بىلەن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، نەپسىنى خۇشال قىلىش باردۇر.

  3. كۈندىلىك ئۆي ئىشى غېمىدىن خالاس بولۇش؛ نىكاھ كىشىنى تاماق ئېتىش، ئۆي سۈپۈرۈش، ئورۇن سېلىش، قاچا-قۇچا يۇيۇش ۋە باشقا ئېھتىياجلارنى قامداش قاتارلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ، قەلبىنى يېنىكلىتىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى بىر كىشى يالغۇز قىلىپ بولۇش تەس. ھەم كۆپ ۋاقىتنى ئالىدۇ، ھەم ئىلىم ئېلىش، ئىشلەشكە مەخسۇس ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. شۇڭا، سالىھە ئايال بۇ جەھەتتە ئېرىنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى، بۇلارنىڭ يولىغا چۈشمەسلىكى زېھىننى مەشغۇل قىلىدۇ.

  4. نەپسكە قارشى جىھاد قىلىش، بالىچاقىلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئىگە بولۇش بىلەن نەپسنى چېنىقتۇرۇش؛ بالىچاقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىش، ئۇلارنىڭ يامان خۇي ۋە جەبىر-جاپالىرىغا سەبر قىلىش، ئۇلارنى ياخشىلاشقا تىرىشىش، ئۇلارغا دىن يولىنى كۆرسىتىش، ئۇلار ئۈچۈن ھالال كەسىپ قىلىشقا تىرىشىش ۋە تەربىيەلەش قاتارلىق پايدىلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈن پەزىلەتلىك ئەمەللەر بولۇپ، بۇلار كۆڭۈل بۆلۈش ۋە باشقۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ئادىل باشقۇرۇش ھەقىقەتەن كاتتا پەزىلەت، ئۇنىڭدىن قاچقۇچىلار پەقەت مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالماسلىقتىن قورقۇپ قاچقانلاردۇر. بالىچاقىسىنىڭ جاپاسىنى تارتىپ سەبر قىلىش ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ يولىدا جىھاد قىلىش بىلەن باراۋەردۇر.

«سەھىھۇ مۇسلىم»دە كېلىشىچە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «(ئەگەر) بىر تىللانى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلساڭ، يەنە بىر تىللانى قۇل ئازاد قىلىشقا سەرپ قىلساڭ، يەنە بىر تىللانى مىسكىنگە سەدىقە قىلساڭ ۋە يەنە بىر تىللانى ئەھلىڭگە خەجلىسەڭ، بۇلاردىن ئەھلىڭگە نەپىقە قىلغىنىڭنىڭ ساۋابى ھەممىدىن كاتتىدۇر».

نىكاھنىڭ ئاپەتلىرى ھەققىدە

بۆلۈم: “نىكاھنىڭ ئاپەتلىرى ھەققىدە”

ئۆيلىنىشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاپەتلىرىمۇ بار:

  1. ئەڭ بۈيۈك ئاپەت: ھالال رىزىق تېپىشتىن ئاجىز كېلىش؛ چۈنكى، ھالالدىن رىزىق تېپىش تەس. ئۆيلەنگەنلەرنىڭ بەزىسى ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىگە قول سوزۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

  2. ئاياللارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلالماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇيلىرىغا سەبر قىلالماسلىق؛ بۇ خەتەرلىكتۇر. چۈنكى، ئەر كىشى پادىچىغا ئوخشايدۇ ۋە ئۆز پادىلىرىدىن سوراققا تارتىلىدۇ.

  3. ئەھلى ۋە بالىلىرىنىڭ كىشىنى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ زىكرىدىن مەشغۇل قىلىپ قويۇشى؛ بۇنداق كىشى كېچە-كۈندۈزىنى بالىچاقىسى بىلەنلا ئۆتكۈزىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ قەلبى ئاخىرەتنى ئويلاش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ.

دېمەك، يۇقىرىقىلار نىكاھنىڭ ئاپەت ۋە پايدىلىرىدۇر.

بىراۋ ئۈچۈن ئۆيلەنگىنى ئەۋزەلمۇ ياكى بويتاق يۈرگىنىمۇ؟ دېگەن ھەقتە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىگە قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەلبەتتە، ئۆيلىنىشنى نىيەت قىلغۇچى ئۆزىنى بۇ ئەھۋاللارغا سېلىپ دەڭسەپ بېقىشى كېرەك. ئەگەر نىكاھنىڭ پايدا كەلتۈرۈش ئالامىتى بولسا، يەنى كىشى ھالال مال ۋە گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولسا ۋە شۇنداقلا شەھۋىتىنى بېسىقتۇرۇش ۋە تۇرمۇشىنى رەتلەشكە ئېھتىياجى بار يالغۇز ياش بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇنداق كىشىنىڭ ئۆيلەنگىنى ئەۋزەل؛ ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە نىكاھ ئاپەت كەلتۈرگۈدەك بولسا، بويتاقلىقى ئەۋزەلدۇر. بۇ ئۆيلىنىشكە ئېھتىياجى يوق كىشى ھەققىدىكى ھۆكۈمدۇر، ئەگەر كىشى ئۆيلىنىشكە ئېھتىياجلىق بولسا، جەزمەن ئۆيلىنىشى ۋاجىبتۇر.

ياخشى ئائىلە قۇرۇش ھەققىدە

بۆلۈم: “ياخشى ئائىلە قۇرۇش ھەققىدە”

ياخشى بىر ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن ئايال كىشىدە تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەر بولۇشى كېرەك:

  1. دىندارلىق؛ بۇ تۈپكى ئالاھىدىلىكتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دىندار ئايالنى تاللىغىن، قوللىرىڭ توپا بولغۇر (بەخت تاپقايسەن)!» دېگەن. دېمەك، ئايال كىشىنىڭ دىنى بولمىسا ئېرىنىڭ دىنىنى بۇزىدۇ ۋە قەدر-قىممىتىنى چۈشۈرىدۇ. ئەگەر ئايال كىشى كۈنلەمچى بولسا، ئەر كىشى دائىم بالايىئاپەت ۋە رەنجى-مۇشەققەت ئىچىدە قالىدۇ.

  2. گۈزەل ئەخلاق؛ ھەقىقەتەن، خۇلقى يامان بىر ئايالنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپتۇر.

  3. ھۆسن-جامال؛ بۇمۇ ئايال كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەردىندۇر. چۈنكى، ئايالى گۈزەل ئەر ھارامدىن يىراق بولىدۇ، شۇڭا ئۆيلىنىدىغان ئايالغا قاراشقا بۇيرۇلغان. بەزىلەر گۈزەللىكنى مۇھىم بىلمەيتتى ۋە ھۆسن-جامالدىن زەۋق ئېلىشقا ئىنتىلمەيتتى. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — تېخىمۇ گۈزەل سىڭلىسىنى قويۇپ، كۆزى ئاجىز ياكى بىر كۆزى قارىغۇ بىر خانىمنى تاللىغانىكەن. لېكىن، بۇ كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋالدۇر. ئىنسان تەبىئىتى بۇنىڭ ئەكسىنى تاللايدۇ.

  4. تويلۇق (مەھر ھەققى) يەڭگىل بولۇش؛ سەئىد ئىبنى مۇسەييەب — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — بىر قىزىنى ئىككى تەڭگە تويلۇققا ياتلىق قىلغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاياللارنىڭ تويلۇقلىرىنى قىممەت قىلىۋەتمەڭلار!» دېگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئىدىم، بىر كىشى كېلىپ، ئەنسارلاردىن بىر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ زات: — سەن ئۇ ئايالنىڭ چىرايىنى كۆردۈڭمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ: — ياق، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: — ماڭ، بېرىپ كۆرۈپ كەل! چۈنكى ئۇلار (ئەنسارلار)نىڭ كۆزلىرى بىرقانداق كېلىدۇ، — دېگەن.

ئايال كىشىنىڭ تويلۇقنى قىممەت قىلىۋېتىشى يامان كۆرۈلگەندەك، ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىنىڭ قانچىلىك مېلى بارلىقىنى سورىشىمۇ يامان كۆرۈلىدۇ. سۇفيان سەۋرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —: «ئەر كىشى بىر ئايال بىلەن توي قىلسا ۋە: ‹ئايال كىشىنىڭ نېمىلىرى بار› دەپ سورىسا، بىلگىنكى، ئۇ ئەر ئوغرىدۇر» دېگەن.

  1. قىز بولۇش؛ چۈنكى، شەرىئەتنىڭ بەرپاچىسى (رەسۇلۇللاھ) قىز ئېلىشقا قىزىقتۇرغان. قىز تەگكەن ئايال ئېرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئېرىگە چوكاندىن بەكرەك كۆنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت ھاسىل بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسان تەبىئىتى تۇنجى كۆنگەن ئادەم بىلەن ئۈلپەت، ئۇنسى بولىدىغان قىلىپ يارىتىلغان. قىز تەگكەن ئايال ئېرىنىڭ قاتتىق سۆيۈشىگە نائىل بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان تەبىئىتى باشقىلار قول تەگكۈزمىگەن ئايالنى ئىستەيدۇ.

  2. تۇغۇمچان بولۇش؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كۆپ تۇغىدىغان، سۆيۈملۈك ئاياللارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار!» دېگەن.

  3. نەسەبلىك بولۇش؛ يەنى دىندار ۋە ياخشى ئائىلىنىڭ قىزى بولسا ئەۋزەل.

  4. ياتلاردىن بولۇش؛ ئەر كىشىنىڭ ئۆيلەنمەكچى بولغان ئايالنى كۆرۈپ، سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىشى كېرەك بولغىنىدەك، ئايالنىڭ ۋەلىيسىنىڭمۇ بولغۇسى كۈيئوغۇلنىڭ دىنى، ئەخلاقى ۋە ھال-ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. چۈنكى نىكاھ بىر مەنادا ئايالنىڭ ئەرگە قۇللۇقىدۇر. قىزىنى پاسىق ياكى بىدئەتچىگە نىكاھلاپ قويۇش ھەم قىزىغا، ھەم ئۆزىگە زىيانكەشلىكتۇر. بىر كىشى ھەسەن ئەلبەسرىيگە — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —: — قىزىمنى قانداق كىشىگە نىكاھلاپ قوياي؟ — دېگەندە، ئۇ مۇنداق دېگەن: — ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشىگە نىكاھلاپ قويغىن، چۈنكى ئۇ ئەگەر قىزىڭنى ياخشى كۆرسە ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ، مۇبادا يامان كۆرۈپ قالسىمۇ ئۇنىڭغا ھەرگىز زۇلۇم قىلمايدۇ.

مۇئامىلىدىكى قائىدە-يوسۇنلار: ئەرنىڭ ۋە ئايالنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى

بۆلۈم: “مۇئامىلىدىكى قائىدە-يوسۇنلار: ئەرنىڭ ۋە ئايالنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى”
بىرىنچى قىسىم: ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى
بۆلۈم: “بىرىنچى قىسىم: ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى”

ئەر كىشى ئون ئىككى تۈرلۈك ئىشتا مۆتىدىل ۋە ئەدەب-قائىدىگە ئۇيغۇن ئىش تۇتۇشى كېرەك:

  1. توي تامىقى (ۋەلىمە) بېرىش؛ ئەر تەرەپنىڭ توي زىياپىتى بېرىشى مۇستەھەب ئەمەلدۇر.

  2. ئايالى / ئاياللىرى بىلەن خۇش مۇئامىلىدە بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىگە سەبر قىلىش؛ سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۆزئارا تەۋسىيە قىلىشىڭلار. ھەقىقەتەن ئاياللار ئەگرى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، قوۋۇرغىنىڭ ئەڭ ئەگرى يېرى ئۇنىڭ ئەڭ ئۈستىدۇر. ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ سۇندۇرۇۋېتىسەن، ئۇنى ئۆز پېتى قويساڭ، ھەمىشە ئەگرى تۇرىدۇ. شۇڭا (نەسىھىتىمنى قوبۇل قىلىپ) ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دېگەن.

بىلگىنكى، ئايالى بىلەن ياخشى ئۆتۈش دېمەك پەقەتلا ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئايالىغا ئەزىيەت بېرىشتىن توختاش بىلەن بىرگە ئايالىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈش، تەنتەكلىك ۋە قېيىداشلىرىغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىپ سەبر قىلىش دېمەكتۇر. «سەھىھەين»دە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى ئۇ زاتقا گەپ ياندۇراتتى، ھەتتا بەزىلىرى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇ زاتقا ماي تارتاتتى (تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇۋالاتتى).

  1. ئايالى بىلەن ئوينىشىش ۋە چاقچاقلىشىش؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى بىلەن ئوينىشاتتى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن مۇسابىقىلەشكەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «قىز ئالساڭچۇ؟! ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشاتتىڭ، ئۇمۇ سەن بىلەن ئوينىشاتتى» دېگەن.

  2. ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك؛ ئوينىشىش ۋە چاقچاقلىشىشتا ئايال كىشىنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كەتكۈدەك ئاشۇرۇۋەتمەي، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش لازىم. رىۋايەت قىلىنۇركى: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز ۋالىيلىرىدىن بىرىنى ئەيىبلىدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئايالى ئەيىبلەنگۈچىنى تىلىۋېلىش ئۈچۈن: — ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! نە ۋەجدىن ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىدىلا؟ — دېگەنىدى، ئۆمەر: — ئى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى! سەن قايسى سالاھىيەت بىلەن بۇ ئىشقا ئارىلىشىسەن؟ ئاتىكارچىلىق قىلماي يىپىڭنى ئېگىر! — دېدى.

  3. ئايالىنى كۈنلەشتە نورمال بولۇش؛ يەنى بالايىقازانىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارىماسلىق ۋە زىيادە گۇمانخور بولماسلىق كېرەك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەرگە چىققانلارنى قايتىپ كەلگەندە ئۆيىگە كېچىسى تۇيۇقسىز كىرىشتىن توسقان. چۈنكى تۇيۇقسىز كېلىپ كۈندۈزى ياكى كېچىسى ئىشىك قېقىش ئەھلى-ئائىلىسىگە يۇيۇنۇپ، تارىنىپ، ئېرىنى كۈتۈۋېلىشقا ياسىنىش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكتىن كۆڭلىنىڭ سويۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى ياكى كەلگۈچىنى بەزى ئۇقۇشماسلىقلارغا دۇچ كەلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئالدىن خەۋەر بەرمەي كېچىدە كىرىش مەكرۇھتۇر.

  4. نەپىقىنى مۆتىدىل تۇتۇش؛ ئىسراپمۇ قىلماي، بېخىللىقمۇ قىلماي ئوتتۇراھال بولۇش؛ بىر كىشىنىڭ ياخشى تاماقنى ئائىلىسىگە يىدۈرمەي، پەقەت ئۆزىلا يېيىشى ناتوغرىدۇر. بۇنداق قىلىش قەلبتە غەزەپ پەيدا قىلىدۇ.

  5. ئايالىغا دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىش؛ يىگىتنىڭ ھەيزدار ئايالغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلگۈدەك دەرىجىدە ھەيز ۋە ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىشى، ئايالىغا توغرا بولغان ئېتىقادنى ئۆگىتىشى، ئەگەر ئايالىدا بىدئەت بولسا ئۇنىڭ قەلبىدىن بارلىق بىدئەتنى يوقىتىشى كېرەك؛ يەنە ئايالىغا ناماز، ھەيز ۋە ئىستىھازە ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى كېرەك. مەسىلەن، ھەيز قېنى شام نامىزىدىن بۇرۇن بىر رەكئەت ناماز ئوقۇغىدەك ۋاقىت ئالدىدا توختىغان بولسا، پېشىن ۋە ئەسىرنىڭ؛ ئەگەر بامدات نامىزىدىن بۇرۇن بىر رەكئەت ناماز ئوقۇغىدەك ۋاقىت ئالدىدا ئۈزۈلگەن بولسا، ئاۋۋالقى ئاخشامقى شام ۋە خۇپتەننىڭ قازاسىنى ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئايالىغا ئۆگىتىدۇ. بۇ ئاياللار بەك رىئايە قىلمايدىغان مەسىلىدۇر.

  6. كۆپ ئاياللىق بولسا ئادىلانە مۇئامىلە قىلىش؛ ئەگەر كىشىنىڭ بىرنەچچە خوتۇنى بولسا، ئۇلارغا ئادىلانە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؛ ئادىللىق ئاياللىرىنىڭ يېنىدا قونۇش ۋە خىراجەت-نەپىقە خۇسۇسىدا تەڭ مۇئامىلە قىلىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ بەندە قادىر بولالمايدىغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە جىنسىي تۇرمۇشتا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئەمەس. كىشى ئەگەر سەپەرگە چىقماقچى بولسا ۋە ئاياللىرىدىن بىرىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ چىقماقچى بولسا، ئۇلار ئارىسىدا چەك تاشلىغاي، چەك قايسىسىغا چىقسا، شۇ ئايالىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ چىققاي.

  7. چىقىشماسچىلىق (نۇشۇز) قىلسا ئەدەبلەش؛ ئەگەر خاتۇن كىشى چىقىشماسچىلىق قىلسا، ئۇنى ئەدەبلەش ۋە ئىتائەتكە كەلتۈرۈش كېرەك. لېكىن، ئايالنى ئەدەبلەشتە ئالدى بىلەن نەسىھەت قىلىش ۋە قورقۇتۇش ئارقىلىق تەدرىجىي ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش كېرەك. ئەگەر بۇ ئۇسۇل كار قىلمىسا بىرگە ياتمىسۇن، يەنى خاتۇنغا كەينىنى قىلىپ ياكى ئايرىم كۆرپە سېلىپ ياتسۇن. ئۈچ كۈنگىچە گەپ قىلمىسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشلار كار قىلمىسا، ئۇنى يارىلاندۇرمىغۇدەك، قان چىقمىغۇدەك ھالدا يۈزىدىن باشقا يەرلەرگە يەڭگىل ئۇرسا بولىدۇ.

  8. جىمانىڭ ئەدەبلىرى: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلاش، قىبلىدىن باشقا ياققا بۇرۇلۇش، ئەر-خاتۇن بىر پارچە رەخت بولسىمۇ يېپىنىۋېلىش، قىپيالىڭاچ بولۇۋالماسلىق، جىمانى ئايالى بىلەن ئوينىشىش، قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش بىلەن باشلاش. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا جۈمە كۈنى جىما قىلىش مۇستەھەبتۇر. ئەر ئۆز شەھۋىتىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭمۇ شەھۋىتىنى قاندۇرۇۋېلىشىنى كۈتسۇن. چۈنكى، ئايالىنىڭ لەززەت بىلەن ئېھتىلام بولۇشى كېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەر ھەيزدار ئايالى بىلەن ئويناشماقچى بولسا، ئايالنىڭ بەلدىن تىزىغىچە كالتە ئىشتان بولسىمۇ كىيىۋېلىشى كېرەك؛ ھەيزدار ئايال بىلەن نورمال جىما ياكى ئارقىسىغا (مەقئىتىگە) يېقىنلىشىش ھارامدۇر. ھەيزسىز ئايالى بىلەن ئىككىنچى قېتىم جىما قىلماقچى بولغان ئەرنىڭ تاناسىل ئەزاسىنى يۇيۇشى ۋە تاھارەت ئېلىپ ئاندىن كېلىشى كېرەك. جۇنۇپ ھالدا چاچ چۈشۈرمەسلىك، تىرناق ئالماسلىق ۋە قان ئالماسلىق قاتارلىقلارمۇ ئەدەبنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەزل قىلىش (ئايالىنىڭ قورساق كۆتۈرۈپ قېلىشىنى ئىستىمىگەن ئەرنىڭ جىنسىي ئالاقىدە مەنىينى سىرتقا تۆكۈۋېتىشى) مەكرۇھ، ئەمما رۇخسەت بېرىلگەن ئىشتۇر.

  1. تۇغۇتقا ئالاقىدار ئەدەبلەر ئالتە تۈرلۈكتۇر: ئا) ئوغۇل تۇغۇلسا بەك خۇشال بولۇپ، قىز تۇغۇلسا قايغۇرماسلىق؛ چۈنكى كىشى خەيرنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئە) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇش. ب) چىرايلىق ئىسىم قويۇش؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»دا كەلگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ئەڭ سۆيۈملۈك ئىسىملار ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇرراھماندۇر» دېگەن. بىر كىشنىڭ ئىسمى يامان كۆرۈلىدىغان ئىسىم بولسا، ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىش مۇستەھەبتۇر، رەسۇلۇللاھ بىر قىسىم ساھابەلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. جۈملىدىن: ئەفلەھ (أفلح / نەپ بەرگۈچى)، يەسار (يسار / سولخەي)، نافىئ (نافع / پايدا)، بەرەكەت (بركة / بەختكە ئېرىشتى)، رەباھ (رباح / سولچى) قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھتۇر. چۈنكى، مەسىلەن، «بەرىكەت بارمۇ؟» دېيىلسە: «ياق / يوق» دېيىلىپ قالىدۇ. پ) ئوغۇل بالىغا ئىككى، قىز بالىغا بىر قوي ئۆلتۈرۈپ ئەقىقىسىنى قىلىش. ت) خورما ياكى تاتلىق يېمەك بىلەن بالىنى ئېغىزلاندۇرۇش (تاھنىك). ج) خەتنە قىلىش.

  2. تالاق: تالاق ئاللاھ تائالا ئەڭ يامان كۆرىدىغان مۇباھتۇر. شۇڭا، بىر ئەرنىڭ بىگۇناھ ئايالىنى ئۇشتۇمتۇت تالاق قىلىشى مەكرۇھتۇر. ئايال كىشىنىڭمۇ ئەرنى تالاق قىلىشقا قىستىشى دۇرۇس ئەمەس. ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان ئەر تۆت ئىشقا رىئايە قىلسۇن: ئا) ئىددەت ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئايالى ساق چاغدا / ئادەت كۆرۈپ ساقايغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلماي تۇرۇپ تالاق قىلىش؛ ئە) پۇشايمان قىلىپ قالسا ئايالىغا قايتىۋالالىشى ئۈچۈن پەقەت بىرلا تالاق قىلىش؛ ب) بۇ ئازابنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تالاق قىلغان ئايالىغا پايدىلىنالىغۇدەك بىرنەرسە بېرىپ سىلىق مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساش؛ رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئايالىنى تالاق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئون مىڭ دەرھەم ئەۋەتتى. بۇنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئايال: «ئايرىلىپ كەتكەن قەدىرداندىن كەلگەن ئازغىنە مال» دېدى. پ) ئايالىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىماسلىق. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا جايى ئەڭ يامان كىشىلەردىن بىرى ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ، ئاندىن ئايالىنىڭ سىرىنى يايىدىغان كىشىدۇر».

سالىھلەردىن بىر زات ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭغا: — ئايالىڭدىن شۈبھىلەندۈرگەن ئامىل نېمە؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: — ئاقىل كىشى دېگەن ئايالىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىمايدۇ، — دېدى. ئۇ ئايالىنى تالاق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن يەنە سوراشتى: — ئايالىڭنى نېمىشقا تالاق قىلدىڭ؟ — دېگەندە، ئۇ زات مۇنداق جاۋاب بەردى: — مېنىڭ خەقنىڭ ئايالى بىلەن نېمە ئىشىم؟!

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئەرنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىدۇر.

ئىككىنچى قىسىم: ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەقلىرى
بۆلۈم: “ئىككىنچى قىسىم: ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەقلىرى”

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەنكى: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ناۋادا بىر كىشىنى يەنە بىر كىشىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيدىغان بولسام ئىدىم، ئايالنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيتتىم» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.

بۇ قىسىمدا ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنى تەكىتلەيدىغان كۆپ ھەدىسلەر بار، خېلى كۆپ بولغان بۇ ھەقلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككىسى تۆۋەندىكىدەكتۇر:

  1. ئىپپەتلىك بولۇش ۋە نومۇسىنى ساقلاش؛
  2. قانائەتچان بولۇش؛ سەلەف سالىھلەر زامانىدا ئاياللار قانائەتچان ئىدى. بىر كىشى ئۆيىدىن چىقسا، ئايالى ئۇنىڭغا: «ھارام كەسىپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ! بىز ئاچلىققا ۋە نامراتلىققا سەبر قىلىمىز، ئەمما، جەھەننەم ئوتىغا سەبر قىلالمايمىز» دەيتتى.

خاتۇن كىشى ئېرىنىڭ مېلىنى ئىسراپ قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر خاتۇن كىشى ئېرىنىڭ رازىلىقى بىلەن باشقىلارغا تاماق بەرسە، ئېرىگە بولغان ساۋاب ئوخشاشلا ئايالغىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئېرىنىڭ رازىلىقىسىز باشقىلارغا تاماق بەرسە، ئېرىگە ساۋاب، ئايالغا گۇناھ بولىدۇ.

قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن قىزىغا كېرەكلىك ئەدەب-قائىدە، نازاكەت يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىشى لازىم. خاتۇن كىشى ئۆيدە ئولتۇرۇشى، يىپ ئېگىرىشى، قوشنىلىرىغا ئاز گەپ قىلىشى، ئېرى يوق ھالەتتە كىشىلەردىن يىراق تۇرۇشى، ئېرى بار يەردە ياكى يوق يەردە بىردەك ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىشى، ھەر ۋاقىت ئېرىنىڭ خۇشاللىقىنى كۆزلىشى، ئۆز نەپسى ۋە ئېرىنىڭ مېلى جەھەتتە ئەرگە خىيانەت قىلماسلىقى، ئېرىنىڭ كۆرپىسىگە ئېرى يامان كۆرىدىغان كىشىلەرنى دەسسەتمەسلىكى ۋە ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارنى ئۆيىگە كىرگۈزمەسلىكى كېرەك. ئايال كىشىنىڭ ھىممىتى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ھويلىدىكى ئىشلارنى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە قىلىپ ئۆيىنى ياخشى سەرەنجاملاشتۇرۇشتا بولسۇن! ئېرىنىڭ ھەققىنى ئۆزى ۋە بارلىق يېقىنلىرىنىڭ ھەققىنىڭ ئۈستىدە قويسۇن!

نىكاھ بۆلۈمى ئاخىرلاشتى.

ئىزاھاتلار:

  • مۇسلىم (995).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5090)؛ مۇسلىم (1466). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • مۇسلىم (1424).
  • ئىبنى ماجە (1887)؛ تىرمىزىي. ئالبانىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5079)؛ مۇسلىم (715).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5186)؛ مۇسلىم (1468).
  • ئەبۇ داۋۇد (2578)؛ ئىبنى ماجە (1979). ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 131): «سەھىھ» دېگەن.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2468)؛ مۇسلىم (1479).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5247)؛ مۇسلىم (715).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1801)؛ مۇسلىم (715).
  • كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى، 13/72: «ئىستىھازە (الاستحاضة): ئايال كىشىنىڭ ئادەت (ھەيز) ياكى نىپاس كۈنلىرىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق قانسىراپ تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا بولسا: ئاياللاردا ئادەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا كېسەللىكتىن ياكى مەلۇم تومۇر يېرىلغانلىقتىن قان كېلىشتۇر».
  • مۇسلىم (2132).
  • مۇسلىم (2136 – 2138).
  • تىرمىزىي (1516). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
  • مۇسلىم (1437).
  • ئەبۇ داۋۇد (2140)؛ تىرمىزىي (1159)؛ ئىبنى ماجە (1852). ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 5294): «سەھىھ» دېگەن.

ئونىنچى بۆلۈم: كەسىپ - كار ۋە تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى، پەزىلىتى، توغرا تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئەھكاملار ھەققىدە

بۆلۈم: “ئونىنچى بۆلۈم: كەسىپ - كار ۋە تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى، پەزىلىتى، توغرا تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئەھكاملار ھەققىدە”

بىلگىنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىلاھىي ھېكمەت مەرھەمىتى بىلەن ئۇشبۇ دۇنيانى گاھ ئۆتكۈنچى ھاياتىنىڭ لازىمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەش، گاھ ئاخىرەت ھاياتىنىڭ تەقەززاسى ئۈچۈن تىرىشىش يۇرتى قىلدى. بىز بۇ يەردە تۈرلۈك سەنئەتلەرنىڭ ئەدەبلىرىنى، تاپاۋەتنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە- تىجارەت ۋە ھۈنەر. يوللىرىنى بايان قىلىمىز ۋە چۈشەندۈرىمىز

كەسىپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: «كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق» «78نەبەئ-11» دېيىش ئارقىلىق بەندىلىرىگە قىلغان ئىنئاملىرى قاتارىدا شۈكۈر ۋە مىننەتدارلىقنى ئەسلەتتى. ئۇ زات يەنە: ،زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق «(پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن مۇشۇنداق نېئمەتلىرى بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر» «7ئەئراف-10» دېدى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى نېئمەت سۈپىتىدە سۇندى ھەمدە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاللاھ يەنە: «پەرۋەردىگارىڭلاردىن رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ» «2بەقەرە-198» دېدى.

ھەدىسلەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھالال رىزىق تەلەپ قىلىش جىھادتۇر»، «ئاللاھ تائالا ھۈنەرۋەن بەندىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن.

ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «ھېچكىم ئۆز قولىدا ئىشلەپ يېگەندىنمۇ ياخشىراق بىر يېگۈلۈك يېگەن ئەمەس. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆز قولى بىلەن تېپىپ يەيتتى» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «زەكەرىيا (ئەلەيھىسسالام) ياغاچچى ئىدى» دېيىلگەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەلەيھىسسالام، قوشچى (دېھقان)، نۇھ ئەلەيھىسسالام ياغاچچى، ئىدرىس ئەلەيھىسسالام تىككۈچى ئىبراھىم ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملار تېرىقچى، سالىھ ئەلەيھىسسالام سودىگەر، داۋۇد ئەلەيھىسسالام ساۋۇت ياسايتتى (يەنى تۆمۈرچى) ۋە مۇسا، شۇئەيب ۋە مۇھەممەد.»ئىبنى ئابدۇللاھ پادىچى ئىدى ئاللاھنىڭ سالامى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بولسۇن

بۇ ھەقتە كەلگەن مەشھۇر رىۋايەتلەر لوقمان ھەكىم ئوغلىغا مۇنداق دېگەن: «ئەي ئوغلۇم! كەمبەغەللىكتىن❊ ھالال كەسىپ بىلەن ساقلان، چۈنكى كەمبەغەل بولۇپ قالغان ئادەمگە ئۈچ ئىللەت يېتىدۇ: دىنى سۇسلىشىدۇ، ئەقلى ئاجىزلايدۇ ۋە ئادەمگەرچىلىكنى .»يوقىتىدۇ. بۇلاردىنمۇ ئېغىرراقى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشىدۇر : ئىمام ئەھمەدتىن سورالدى❊ سىزچە ئۆيىدە ياكى مەسجىدتە ئولتۇرۇۋالغان (يەنى، رىزقىم ئۆزلۈكىدىن— كېلىدۇ دەپ ئىشلىمەيدىغان) كىشى قانداق كىشى؟

ئىمام ئەھمەد جاۋاب بەردىكى:

— ئۇ ئىلىمسىز نادان كىشىدۇر، ئەجەبا ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹مېنىڭ رىزقىم نەيزەمنىڭ سايىسى ئاستىدا قىلىندى›، ‹قۇش سەھەردە قورسىقى ئاچ ھالدا چىقىپ كېتىدۇ، كۆكتە توق قايتىدۇ› دېگەن ھەدىسلىرىنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟! داۋۇد ئەلەيھىسسالام كاتتا پادىشاھ تۇرۇقلۇق ساۋۇت ياساپ ساتاتتى. بۇ موھتاجلىقتىن ئەمەس، پەقەتلا ئۆز ئەمگىكىدىن يېيىشنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكتىن ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسھابلىرىمۇ قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا تىجارەت قىلاتتى، خورما باغلىرىدا ئىشلەيتتى. ئەنە شۇلار بىزنىڭ ئۈلگىمىزدۇر. مۇنداق— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي❊ يۇ، سەن- دېگەن: «بىزنىڭ نەزەرىمىزدە، بىراۋ سەن ئۈچۈن ئىشلەپ چارچىسا مەسجىدتە جامائەت بىلەن سەپ تۇتساڭ ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ، سەن ئاۋۋال.»ئىشلەپ ئىككى نانغا ئېرىشكىن، ئاندىن ئىبادەت قىلغىن

سوئال: ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «مەن ھەم تىجارەت بىلەن، ھەم، ئىبادەت بىلەن تەڭ مەشغۇل بولۇشقا تىرىشتىم، لېكىن ئىككىسى چىقىشالمىدى شۇڭا ئىبادەتنى تاللىدىم» دېگەن سۆزىگە نېمە دەيسەن؟

جاۋاب: «تىجارەتتىن مەقسەت تىجارەتنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى خەققە موھتاج بولماسلىق، ئائىلىۋى ئېھتىياجنى قامداش ۋە دوستلارغا ياردەم بېرىشتۇر. ئەگەر دۇنيا، بايلىق توپلاش، تەكەببۇرلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار- مەقسەت مال.»بولسا بۇنىسى ناتوغرا

تاپاۋەتنىڭ توغرا بولۇشى ۋە تاپاۋەتنىڭ ئاپەتلىرىنى بىلىش

تاپاۋەت كۆزلەنگەن تىجارەت توختامى: ساغلام، ئادىل، ئېھسانچىل ۋە دىنىي. سەزگۈرلۈك قاتارلىق تۆت سۈپەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولسۇن

بېرىم سودا- بىرىنچى سۈپەت: ساغلام بولۇش؛ ئەگەر توختام بىر ئېلىم :توختىمى بولسا، ئۈچ ئاساستىن تەشكىل تاپىدۇ

  1. توختاملاشقۇچى تەرەپلەر؛ 2) توختام تېمىسى؛ 3) لەفزى (ئىجاب ۋە قوبۇل).

سېتىق مۇئامىلىسى- بىرىنچى ئاساس: ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشى بىلەن سودا. قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى، ساراڭ شەرىئەت ھۆكۈملىرى يۈكلەنگەن كىشى ئەمەس شۇڭا، ئۇنىڭ سودىسى ئىناۋەتسىز؛ خوجايىنى تەرەپتىن ئىزىن بېرىلگەنلىكى نائېنىق قۇل بىلەن سودا مۇئامىلىسى قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭدەك كىچىك بالىغا دادىسى ياكى ۋەسىيسى (ۋەسىيەتنامىنى ئىجرا قىلغۇچى) رۇخسەت . سېتىق مۇئامىلىسى قىلىشقا بولمايدۇ- بەرمىگۈچە، كىچىك بالا بىلەن سودا. چۈنكى، كىچىك بالا ھۆكۈمدە خوجايىننىڭ ئىزنىگە قاراشلىق قۇلغا ئوخشايدۇ ئىمام شافىئىينىڭ قارىشىدا كىچىك بالىنىڭ قىلغان سودا توختامى ئىناۋەتسىز؛ بەردىسى- بىزنىڭ قارىشىمىزدا قارىغۇ كىشىنىڭ مۇئامىلىسى كۈچكە ئىگە، ئالدى ئىناۋەتلىك. ئىمام شافىئىينىڭ قارىشىدا ئىناۋەتسىز.

زالىملارنىڭ ۋە كۆپىنچە مېلى ھارام مال بولغان كىشىلەرنىڭ پەقەت ھالالدىن. تاپقانلىقى بىلىنگەن نەرسىسىنىلا سېتىۋېلىشقا بولىدۇ

ئىككىنچى ئاساس: ھەققىدە توختام تۈزۈلگەن، يەنى توختام ئارقىلىق باشقا كىشىنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدىغان (سېتىلغان / سېتىۋېلىنغان) مال؛ ئىت سېتىش نىجىس دەيلى— دۇرۇس ئەمەس، چۈنكى ئىت نىجىستۇر. قېچىر ۋە ئېشەكنى . سېتىش دۇرۇس. ھاشارەتلەرنى سېتىش جائىز ئەمەس— ياكى پاك دەيلى شۇنداقلا ئۇد، قالۇن، نەي قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاب، لاي ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان سۈرەت / ھەيكەللەرنى سېتىش دۇرۇس ئەمەس. ماددىي ۋە شەرئىي جەھەتتىن تاپشۇرۇپ بېرىشكە كۈچى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى سېتىشمۇ نادۇرۇستۇر. مەسىلەن، ھاۋادىكى قۇش، قاچاق قۇل ۋە دېڭىزدىكى بېلىق. دېگەندەكلەرنى بەندىنىڭ تاپشۇرشقا كۈچى يېتىشى ناتايىن

گۆرۈ قويۇلغان نەرسىنىمۇ شەرئەن تاپشۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان نەرسە بىرىدىن ئايرىپ- بالا قۇل بولسا، بىر- قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئانا سېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى شەرئىي جەھەتتىن بۇلارنىڭ تاپشۇرۇلۇشى .چەكلىنىدۇ

لەۋزلىرىدۇر. قوبۇل ئىجابتىنئۈچىنچى ئاساس: لەۋرز. يەنى ئىجاب ۋە قوبۇل بۇرۇن دېيىلسە، (ھەنبەلىي فىقھىدا) بىر قاراشتا «سودا توغرا بولمايدۇ» دەپ قارالسا؛ يەنە بىر قاراشتا، قوبۇل لەۋزى «ساتتىم، سېتىۋالدىم» دېگەندەك ئۆتكەن زامان لەۋزى بىلەن بولسۇن، ياكى «ساتقىن، سېتىۋالغىن» دېگەندەك

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قارىغۇ كىشىنىڭ تاۋارنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق

  • بەردىسى مۇئامىلىسى كۈچكە ئىگە. شافىئىي مەزھەب قارىشىدا: ئېلىم-ن ئالدى سېتىم، رەنە ۋە ئىجارىگە ئوخشىغان كۆرۈش شەرت قىلىنىدىغان مۇئامىلىسى كۈچكە ئىگە ،ئەمەس، سەلەمگە ئوخشىغان تاۋارنى كۆرۈش شەرت قىلىنمايدىغان مۇئامىلىسى كۈچكە ئىگە «ئۆزى بىۋاسىتە قىلالمايدىغان مۇئامىلىلەردە باشقىلارنى ۋەكىل قىلىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. �اِإْل( ئىجاب ۋە قوبۇل

توختاملىشىشقا بولغان رازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان «ماڭا بۇ مېلىڭنى مۇنچىلىك پۇلغا ساتقىن

  • ياكى «سەن بىلەن مۇنداق توختاملىشىمەن» دېيىشتەك تەكلىپ لەۋزى ياكى ئىش ھەرىكىتى. قوبۇل: سېتىۋالغۇچىنىڭ ياكى توختاملاشقۇچىنىڭ سېتىش/ توختاملىشىشقا بولغان رازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان «ئالدىم» ياكى «سەن بىلەن توختاملاشتىم» دېيىشتەك قوبۇل ھەرىكىتى. بۇ ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بولۇپ، باشقا مەزھەبلەردە- لەۋزى ياكى ئىش: ،دەسلەپ ياكى ئىككىنچى بولۇپ دېسۇن ساتقۇچىنىڭ ياكى مال ئىگىسىنىڭ سۆزى ئىجاب /): ئىجاب ساتقۇچى ياكى توختاملاشقۇچىنىڭ سېتىشَُِجيَاُبُ َوَاْل َْقَ�بُوُل

. ت— .سېتىۋالغۇچىنىڭ سۆزى قوبۇل بولىدۇ

تەلەپ / بۇيرۇق لەۋزى بىلەن بولسۇن، باشتا دېيىلگەنلا بولسا «سودا توغرا ھالەتتەبولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى مۇئاتات. سودا قىلىشقان بولسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا بۇ خىل سودا توغرىدۇر

قازى ئەبۇ يەئلا — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «مۇئاتات سودىسى كىشىلەرنىڭ ئادىتىدە بولۇۋاتقان ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن.»قىممەتلىك نەرسىلەردە ئەمەس، پەقەت قىممەتسىز نەرسىلەردە قىلىنسا جائىز مانا بۇ ئەڭ ياخشى قاراشتۇر. ئىختىلاپ ئېھتىمالىنى چىقىش قىلىپ، ئىجاب ۋە .قوبۇل لەۋزىگە رىئايە قىلىش تەقۋالىقتۇر، ئۆسۈمگە كەلسەك: ئاللاھ تائالا ئۆسۈم ھەققىدە ناھايىتى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان، شۇڭا بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئىككى تۈر ئۆسۈم / جازانە بار: بىرى ،يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز جازانىسى، يەنە بىرى، كېچىكىش جازانىسى. شۇڭا. مۇسۇلمان ئۆسۈمنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۆسۈم تۇغۇلىدىغان خەۋپلەرنى بىلىشى كېرەك ۋە شېرىكچىلىكنىڭ شەرتلىرىنىلاسمل)، ئىجارە، مۇزارەبە( شۇنداقلا زاكالەت بىلىشكىمۇ ئېھتىياجلىقتۇر. چۈنكى، تاپاۋەت يوللىرى مەزكۇر توختاملاردىن. ئايرىلمايدۇ


ئىككىنچى سۈپەت: تىجارەتتە ئادىل بولۇش ۋە زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىش؛ زۇلۇم «باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش» دېمەك بولۇپ، ئۇ ئىككى تۈرگە :ئايرىلىدۇ

  1. زىيىنى ئومۇمىي بولىدىغان زۇلۇم؛ مەسىلەن، ئاشلىق ۋە ئوزۇق-تۈلۈك قىسچىلىقى كۆرۈلگەندە، يۇقىرى باھادا ھايىنىغا سېتىش ئۈچۈن يىغىپ ساقلاپ مونوپول قىلىۋېلىش چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئەل ئىچىدە ئوزۇق-تۈلۈك قىسچىلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك قىممەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئالامىتى: مەھسۇلاتلارنى باھا ئۆرلەشكە باشلىغاندا كۆپلەپ سېتىۋېلىپ، باھانىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىنى كۈتۈش. لېكىن، بىر كىشى ئۆز ئېتىزىدىن مەھسۇلاتلىرىنى ئەكىرىپ ئۇنى ساقلىغان بولسا ياكى مەھسۇلاتنى جەمئىيەتتە قىسچىلىق تۇغدۇرمايدىغان، كەڭرىچىلىك، مولچىلىق زاماندا سېتىۋالغان بولسا مونوپولچىلىق ھېسابلانمايدۇ. قىسقىسى، خالايىقنىڭ ھايات ئاساسى بولمىش ئوزۇق. يىغىپ ساقلاپ تىجارەت قىلىش مەكرۇھتۇر

  2. زىيىنى خاس بولىدىغان زۇلۇم؛ مەسىلەن، مېلىنى يوق سۈپەتلەر بىلەن ماختاش ياكى مېلىنىڭ بەزى ئەيىبلىرىنى يوشۇرۇش سېتىۋالغۇچىغا زىيانكەشلىكتۇر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دېگەن.

كەسىپتە ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلىش- بىلگىنكى، سودا ۋە ھۈنەر. ھارامدۇر

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھتىن رەختنىڭ يىرتىقى ئاشكارا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، رەختنى ئىنچىكلەپ تورلاپ يامىۋېتىش توغرۇلۇق سورلاغاندا، ئىمام بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «رەخت ساتقۇچىنىڭ ئۇ يەرنى يوشۇرۇپ سېتىشى دۇرۇس ئەمەس» دېگەنىدى

سودىگەر تارازىدا كەم بەرمەسلىكى كېرەك. سودىگەر بەرگەندە ئارتۇقراق تارتىپ، ئالغاندا كەمرەك ئالمىغۇچە ھەقتىن تولۇق قۇتۇلالمايدۇ. يەم ساتقۇچى يەمگە تۇپراق ئارالاشتۇرسا، ئاندىن تارتىپ بەرسە؛ شۇنىڭدەك قاسساپ سۆڭەكنى گۆشكە ھەددىدىن زىيادە ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە، تارازىدا كەم بەرگۈچى .ھېسابلىنىدۇ

يالغاندىن سېتىۋالغۇچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ مال باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىشتەك ساختا خېرىدارلىق قىلىش ۋە تەسرىيە (قوي، كالا قاتارلىق سۈت بېرىدىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتىنى ساغماي ياكى بالىسىنى ئېمىتكۈزمەي يېلىنى تولغان ھالدا ساتقىلى ئېلىپ چىقىش، بىلمىگەن كىشىدە «بۇ ھەرۋاقىت مۇشۇنداق سۈتلۈك ھايۋان ئوخشايدۇ» دەپ قېلىپ قىممەت سېتىۋېلىشى مۇمكىن، بۇ كۆز بويامچىلىقتۇر) مەنئى قىلىنىدۇ.


ئۈچىنچى سۈپەت: تىجارەتتە ئېھسانچىل بولۇش؛ ئاللاھ تائالا: «ئاللاھ ئادىل بولۇشقا ۋە ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ» «16نەھل-90» دېگەن. تىجارەتتە كەڭ قورساق بولۇش ۋە ئادەتتە پايدا ئېلىنمايدىغان نەرسىگە پايدا قويۇپ، سېتىۋالغۇچىنى ئالدىماسلىق ئېھسان جۈملىسىدىندۇر.

ھەقىقەتەن پايدا رۇخسەت قىلىنغان نەرسە. چۈنكى، تىجارەتنىڭ مەقسىتىمۇ پايدا ئېلىشتۇر. لېكىن، چىقىمغا ئەڭ يېقىن ھالەتتە پايدا ئېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىر مالغا قاتتىق ئېھتىياجلىق ياكى بەك ئامراقلىقىدىن خېرىدار بولغۇچى نورمال نەرختىن يۇقىرى باھادا سېتىۋالماقچى بولسا، ساتقۇچىنىڭ ئارتۇق پايدىنى .قوبۇل قىلماسلىقى ئېھسانچىللىقتىندۇر

بەرگەن قەرزنى ياكى ساتقان مالنىڭ پۇلىنى ئالماقچى بولغاندا، بەزىدە كەڭ، قورساقلىق قىلىش، بەزىدە بىر قىسمىنى كەچۈرۈۋېتىش، بەزىدە مۆھلەت بېرىش بەزىدە سىلىق مۇئامىلىدە بولۇش ۋە بەزىدە ئالماقچى بولغان نەرسىنىڭ ياخشىسىنى .ئېلىشتىن ۋاز كېچىش بىلەنمۇ ئېھسان قىلىنىدۇ

سودىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغۇچىنىڭ سودىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بېرىشمۇ ئېھسان جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، پەقەت سودىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچىلا سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەدىسلەر تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىشلارنىڭ پەزىلەتلىك ئىش ئىكەنلىكىگە، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىغا بېرىلىدىغان. ئەجىر ۋە ساۋابقا شاھىدلىق قىلىدۇ


تۆتىنچى سۈپەت: سودىگەرنىڭ ئۆزى ۋە ئاخىرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەردە دىنىغا رىئايە قىلىشى. سودىگەرنىڭ تىرىكچىلىكى ئۇنى ئاخىرەتتىن مەشغۇل قىلماسلىقى، بەلكى ئۇ ئۆز دىنىغا كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. دىنغا كۆڭۈل :بۆلۈش ئالتە نەرسىگە رىئايە قىلىش بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ

  1. تىجارەتتە ئېزگۈ نىيەتلىك بولۇش؛ سودىگەر تىجارەت قىلىش ئارقىلىق تىلەمچىلىك ۋە تەمەخورلۇقتىن قۇتۇلۇش ھەمدە خاتۇن-بالىلىرىغا يەتكۈدەك بىرنەرسە تېپىشنى نىيەت قىلسا، مۇجاھىدلار قاتارىدا بولىدۇ. سودىگەر. مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇشنى نىيەت قىلسۇن

  2. ھۈنەر ياكى تىجارەتتە پەرز كۇپايىلەردىن بىرنى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلىش؛ چۈنكى، ھۈنەر-كەسىپ ياكى تىجارەت توختىغان ساھە زاۋاللىققا يۈز سەنئەتنىڭ- دە، تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنى تارىيىدۇ. ئەمما، ھۈنەر- تۇتىدۇ مۇھىملىرىمۇ، كۆركەم ۋە پاراغەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىشتەك زۆرۈر بولمىغانلىرىمۇ بار. شۇڭا، مۇسۇلمانلارغا مۇھىم بولغان بىر ئىشنى قىلغان بولۇش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم ھۈنەرنى تاللاش كېرەككىم، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرى قامدلاغاي. زەرگەرلىك، گەجخاچىلىق، نەققاشلىق ۋە شۇ قاتارى بېزەكچىلىك. ھۈنەرلىرىدىن يىراق تۇرۇلغاي. چۈنكى، بۇ ئىشلار مەكرۇھتۇر. بىر تىككۈچىنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن يىپەك كىيىم تىكىپ بېرىشى گۇناھتۇر. قاسساپلىقمۇ مەكرۇھتۇر، چۈنكى ئۇ قەلبنىڭ قېتىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ شۇنداقلا ھاجاماتچى (لوڭقا قويۇپ قان ئېلىش)، تېرە ئاشلىغۇچى ياكى تازىلىقچى .بولۇش مەكرۇھتۇر. چۈنكى، ھەممىسىلا مەينەتچىلىك بىلەن ئۇچرىشىدۇ

قۇرئان ئۆگەتكەنگە، پەرز كۇپايەلەر ۋە ئىبادەتلەرنى ئۆگەتكەنگە ھەق ئېلىش. دۇرۇس ئەمەس

  1. دۇنيا بازارلىرى سودىگەرنى ئاخىرەت بازىرىدىن توسۇپ قويماسلىقى كېرەك؛ ئاخىرەت بازىرى دەل مەسجىدتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، سودىگەر كۈندۈزدە ئەتىگەن تەرەپتىن بازارغا كىرىپ بولغۇچە بولغان ۋاقتىنى ئاخىرەتكە ئاتىشى ۋە ۋىردلەرنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. سەلەفلەردىن سودىگەرچلىك قىلىدىغانلار كۈننىڭ. ئەتىگەن ۋە كەچقۇرۇنىنى ئاخىرەت ئەمەللىرىگە، ئوتتۇرىسىنى تىجارەتكە ئاتايتتى سودىگەر پېشىن ۋە ئەسىرنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلىسا، پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن. تىرىكچىلىكىنى تاشلىشى كېرەك

  2. بازاردا دائىم ئاللاھنى زىكىر قىلىش، تەسبىھ ۋە تەھلىل بىلەن مەشغۇل بولۇش؛

چەكتىن ئاشۇرۇپ بېزەش ۋە ھەشەمەتچىلىك كۆزدە تۇتۇلغان. بولمىسا بۇ ھۈنەرلەرنىڭ

. ت— .ھەممىسى ھالال بۇ بەزى ئالىملار قارىشى بولسىمۇ، بۇنىڭ ھېچبىر نەقلىي ۋە ئەقلىي دەلىلى يوق. كۆپچىلىك

، كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى مۇباھ» دەپ قارايدۇ. چۈنكى- ئالىملار: «ھارام بولمىغان ھۈنەر كەسىپ ۋە ئىشلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتكە پايدىلىق بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ– مۇباھ ھۈنەر . ت— .كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىگە موھتاج بولغاچقا، ھەممىسى پەرز كۇپايەدۇر بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە دەسلەپكى ھەنەفىي ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، ئۆلىمالار ئارىسىدا

بۇ مەسىلىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد. ھەسەن بەسرىي، شەئبىي، ئىبنى سىرىن ۋە ،‍نەۋەۋىي قاتارلىقلار: «ھەق بېرىشنى شەرت قىلمىغان بولسا دۇرۇس» دەپ قارىغان. ئەتا‍ئ مالىك، شافىئىي ۋە باشقىلار: «ئۆگىتىشكە توختاملىشىپ ھەق بېرىشكە ئېنىق شەرتلەشسە دۇرۇس» دەپ قارىغان. كېيىنكى ھەنەفىي ئالىملار: «قۇرئان ۋە شەرئىي ئىلىملەرنى ئۆگەتكەنگە ؛ ئىمام سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ1281/3 ،»ھەق ئېلىش جائىز» دەپ پەتۋا بەرگەن. «ئەلھىدايە

  • ئەبۇللەيس سەمەرقەندىينىڭ «بوستان» ناملىق كىتابىدىن مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: «تەلىم، تەربىيە ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى، ھەق ئالماي ساۋاب ئۈچۈن ئۆگىتىش؛ ئىككىنچىسى ھەق بېرىشكە دېيىشىپ ئۆگىتىش؛ ئۈچىنچىسى، ھەق بېرىشنى شەرت قىلماي، سوۋغات. بەرسە قوبۇل قىلىش. بىرىنچى كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇ پەيغەمبەرلەر يولىدۇر ئىككىنچىسىنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار، ‹دۇرۇس› دېگەن قاراش كۈچلۈك. ئۈچىنچىسىنىڭ دۇرۇسلۇقىغا ئىجمائ قىلىنغان. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ /1 ،»ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرگە تەلىم بېرەتتى ۋە سوۋغات قوبۇل قىلاتتى». «ئەلئىتقان . ت— .323
  1. بازارغا ۋە تىجارەتكە قاتتىق ھېرىسمەن بولماسلىق، بازارغا ئەڭ ئاۋۋال كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چىقىدىغان كىشى بولماسلىق كېرەك؛

  2. ھارامدىن ساقلىنىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەسلىك، بەلكى شەك-شۈبھەلەردىنمۇ قېچىش ۋە باشقىلار بەرگەن پەتۋالارغا قاراپ قالماسلىق، قەلبىنى تىڭشاش گەرچە جائىزلىقىغا پەتۋا بېرىلگەن بولسىمۇ، قەلبنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلارنى .قىلماسلىق كېرەك

ھالال ۋە ھارامنىڭ بايانى

بىلگىنكى، ھالال رىزىق تەلەپ قىلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. نۇرغۇن جاھىللار «ھالال قالمىدى» دەپ بىلجىرلاشتى. ئۇلارچە: ھالال نەرسىلەردىن چۆپلەرلا قالغان، باشقا نەرسىلەرنى- قۇرۇق ئوت- پەقەت پاكىز سۇ، ھۆل بۇزۇق مۇئامىلىلەر بۇلغاپ بولغان ئىمىش. ئۇلار باشتا مۇشۇ چۈشەنچىگە ، ئىچمەكسىز ھايات داۋاملاشمايدىغانلىقىنى بىلگەندە- كېلىۋېلىپ، قارىسا يېمەك شۈبھىلىك ۋە ھارام نەرسىلەردە بەك كەڭرى يول تۇتتى. مانا بۇ نادانلىق ۋە ئىلىمسىزلىكتۇر. دەرۋەقە، «سەھىھەين»دە نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ :ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. بۇلارنىڭ ئارىسىدا گۇمانلىق نەرسىلەر بار» دېگەن، بۇ نادانلارنىڭ دەۋالىرى ھەم خەلققە، ھەم دىنغا زىيانلىق بىدئەتلەر بولغاچ ھالال، ھارام ۋە شۈبھىلىك نەرسىلەرنى ئېنىق ئايرىپ، بۇ بۇزۇق دەۋا ئۈستىدىكى پەردىلەرنى ئېچىپ تاشلاش زۆرۈر بولدى. بىز بۇلارنى بىرنەچچە قىسىمدا :چۈشەندۈرىمىز

بىرىنچى قىسىم: ھالال رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى، ھارامنىڭ يامانلىقى ۋە ھالال بىلەن ھارامنىڭ دەرىجىلىرى

بۆلۈم: “بىرىنچى قىسىم: ھالال رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى، ھارامنىڭ يامانلىقى ۋە ھالال بىلەن ھارامنىڭ دەرىجىلىرى”

ئاللاھ تائالا: «ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن» «23مۇئمىنۇن-51» دېيىش ئارقىلىق ياخشى ئەمەل قىلىشتىن بۇرۇن ھالال نەرسىلەرنى يېيىشكە بۇيرۇدى. شۇنداقلا ھارامنىڭ يامانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئى پەيغەمبەرلەر! پاك نەرسىلەردىن يەڭلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار» «23مۇئمىنۇن-51» دېدى. بۇ ھەقتە باشقا ئايەتلەرمۇ «2بەقەرە-188» …ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار. بار

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى خالايىق! ئاللاھ پاكتۇر، پاكتىن باشقىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە: ‹ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن› «23مۇئمىنۇن-51» دەپ بۇيرۇغان نەرسىنى مۆمىنلەرگىمۇ بۇيرۇپ: ‹ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار› «2بەقەرە-172» دېگەن دېدى، ئاندىن: «بىر كىشى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ھەق يولىدا ئۇزۇن سەپەرگە چىقىدۇ، چاچلىرى چۇۋۇق، چاڭ-توزان باسقان ھالدا قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ: ‹ئى ئىگەم! ئى پەرۋەردىگارىم!› دەپ يالۋۇرىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېگىنى ھارام، ئىچكىنى ھارام، كىيگىنى ھارام، قىسقىسى پۈتكەن تۇرغىنى ھارام تۇرسا، بۇنداق كىشىنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت بولغاي!» دېدى. بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەرمۇ بار.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دۇئالىرىنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى »سورىغانىدى، ئۇ زات: «تامىقىڭنى پاكلىغىنكى، دۇئايىڭ ئىجابەت بولغاي. دېدى

سەلەفلەر تاپاۋىتىنىڭ ھالالدىن بولۇشىغا بەك دىققەت قىلاتتى ۋە تەكشۈرۈپ تۇراتتى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۈبھىلىك بىرنەرسىنى يەپ سېلىپ ئۇنى .قۇسۇۋەتكەن

جازانە، قىمار، پارا، تىجارەت ماركىلىرى ۋە ئەسەر نەشر ھوقۇقىغا دەخل قىلىش… قاتارلىقلارمۇ

ھاراملارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق ئايەتلەر بار: «ئى مۆمىنلەر! بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، پەقەت ئىككى تەرەپ رازى بولۇشقان ئېلىم-سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا» «4نىسائ-29». «ئەي مۇئمىنلەر! ھاراق، قىمار، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار)، پال ئوقلىرى شەيتاننىڭ ئىشى، قەبىھ نەرسىلەردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلاردىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ۋە نامازدىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟» «5مائىدە-90-91».

ھالال ۋە ھارامنىڭ دەرىجىلىرى

بىلگىنكى، ھالالنىڭ ھەممىسى پاك، لېكىن بەزىسى بەزىسىدىن بەكرەك پاكتۇر. ھارامنىڭ ھەممىسى يامان، لېكىن ھارامنىڭمۇ بەزىسى بەزىسىدىن بەكرەك »ياماندۇر. مەسىلەن: تېۋىپلەر ھەرقانداق تاتلىق نەرسىنى «تەبىئىتى ئىسسىق. دەۋېرىدۇ. ھالبۇكى، تېبابەتتە «ئىسسىق» تۆرت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ

،ھارامغا كەلسەك: ناتوغرا سودا توختىمى بىلەن ئېلىۋېلىنغان مال ھارام. لېكىن ئۇ مەجبۇرىي بۇلاپ ئېلىۋېلىنغان مالنىڭ دەرىجىسىدە ھارام ئەمەس، مەجبۇرىي بۇلاپ ئېلىۋېلىنغان مال بەكرەك ھارام. چۈنكى، جەبرەن بۇلاپ ئېلىۋېلىش باشقىلارغا ئەزىيەت بەرگەنلىك ۋە مالغا ئېرىشىشتە شەرىئەت يولىنى تەرك ئەتكەنلىكتۇر. لېكىن، ناتوغرا سودا توختامى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مېلىنى ئېلىۋېلىش پەقەت ئىبادەت يولىنى تەرك ئەتكەنلىكتۇر. شۇڭا، بۇلاڭچىلىق بىلەن ئېلىۋېلىنغان مالنىڭ ھاراملىق دەرىجىسى ناتوغرا سودا توختىمى بىلەن. ئېلىۋېلىنغان ھارام مالدىن يۇقىرىراقتۇر

شۇنىڭدەك نامراتتىن، سالىھ كىشىدىن ياكى يېتىمدىن زۇلۇم قىلىپ ئېلىۋېلىنغان مال كۈچلۈكتىن، بايدىن ياكى پاسىقتىن زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىنغان. مالغا قارىغاندا بەكرەك ھارام

تەقۋادارلىقنىڭ دەرىجىلىرى

تۆرت دەرىجە تەقۋادارلىق باردۇر:

دەرىجە: پەتۋا بىلەن مۇقىمدلاغان بارلىق ھاراملاردىن يۈز ئۆرۈش؛ بۇنىڭغا- 1 .مىسال كەلتۈرۈش ھاجەتسىز

دەرىجە: ساقلىنىش ۋاجىب بولمىغان ھەرقانداق شۈبھىدىن يىراق تۇرۇش- 2 ،مۇستەھەب؛ دەرۋەقە رەسۇلۇللاھ: «سېنى دەرگۇمان قىلغان ئىشنى قويۇپ دېگەن. بۇ ھەقتە «شۈبھىلەر» قىسمىدا تەپسىلىي»بىگۇمان ئىشنى قىلغىن. توختىلىمىز

دەرىجە: ھارامغا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ بەزى ھالاللاردىن ۋاز كېچىش؛- 3

دەرىجە: ئاللاھ ئۈچۈن بولمىغان ھەرقانداق نەرسىدىن نېرى تۇرۇش. بۇ- 4 :سىددىقلارنىڭ تەقۋاسىدۇر. بۇنىڭ مىسالى مۇنۇ رىۋايەتتە كەلگەن: يەھيا ئىبنى مۇئاز — ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭغا بولسۇن — ئىبنى يەھيا نىشاپۇرىي :ئىچتى، ئايالى ئۇنىڭغا

— ھويلىدا ئازراق مېڭىپ بەرگەن بولسىڭىز دورا تېزرەك تەسىر قىلاتتى— :دېدى، ئۇ

— مەن بۇنداق مېڭىش ھەققىدە (سۈننەت بارلىقىنى) بىلمەيدىكەنمەن ھالبۇكى مەن ئوتتۇز يىلدىن بېرى نەپسىمدىن ھېساب ئېلىۋاتىمەن — دېدى.

دېمەك، نىشاپۇرىي رەھىمەھۇللاھ ھەرقانداق بىر دىنىي مۇددىئاسىز ھويلىدا. مېڭىپ يۈرۈشنى خاھلىمىدى. مانا بۇ تەقۋالىقنىڭ نازۇك تەرەپلىرىدىندۇر

ئەمەلىيەتتە تەقۋادارلىقنىڭ تۆۋەن ۋە يۇقىرى چەكلىرى بار بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئېھتىيات دەرىجىلىرى بار. ئىنسان نەپسىگە قانچە قاتتىق مۇئامىلە قىلسا، يۈكى شۇنچە يەڭگىل بولىدۇ ۋە سىرات كۆۋرۈكىدىن شۇنچە تېز ئۆتىدۇ. كىشىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە ھارام قىلمىشلىرىغا يارىشا جەھەننەمدىكى دەرىجىسى ئۆزگەرگەندەك تەقۋالىق دەرىجىسىگە يارىشا جەننەتتىكى ماقامىمۇ .ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا، خاھلىساڭ قاتتىق ئېھتىيات قىل، خاھلىساڭ سەل قارا. ئېھتىياتچانلىقىڭ ئۆز پايداڭغا، سەل قارىشىڭ زىيىنىڭغا

ئىككىنچى قىسىم: شۈبھىلەرنىڭ مەرتىۋىسى ۋە شۈبھىلەرنى ھالال ۋە ھارامدىن پەرقلەندۈرۈش

بۆلۈم: “ئىككىنچى قىسىم: شۈبھىلەرنىڭ مەرتىۋىسى ۋە شۈبھىلەرنى ھالال ۋە ھارامدىن پەرقلەندۈرۈش”

، ھالالنۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىس ھارام ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى شۈبھىلىك ئىشلار قاتارلىق ئۈچ تۈرنى ئوچۇق بەلگىلىدى. بۇلادىن ئەڭ قىيىنى دەل كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەيدىغان ھالال :بىلەن ھارامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شۈبھىلىك شەيئىلەردۇر. ئېنىق قىلىپ ئېيتساق

مۇتلەق ھالال: ئۆزى ۋە مەنبەسى ھارام ياكى مەكرۇھتىن تامامەن خالىي نەرسىدۇر. مەسىلەن: ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ تەۋەلىكىگە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئېلىۋېلىنغان يامغۇر سۈيى مۇتلەق ھالالدۇر؛

مۇتلەق ھارام: خۇددى ھاراق، سۈيدۈك قاتارلىق تەركىبىدە ھارام بار نەرسىلەر ياكى زۇلۇم ۋە جازانىگە ئوخشاش چەكلەنگەن بىر سەۋەب / ئۇسلۇب بىلەن ئېرىشىلگەن نەرسىلەردۇر. ھالاللىقى ۋە ھاراملىقى ئوچۇق ئىككى تەرەپتۇر. ھۆكمى— ھالاللىقى ۋە ھاراملىقى— مانا بۇلار ئېنىق، ئەمما ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بار تۇرۇپمۇ بۇ ئېھتىماللىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە دالالەت قىلىدىغان ئوچۇق بىر سەۋەب تېپىلمىغان نەرسىلەرمۇ ئىككىسىدىن بىرىگە تەۋەدۇر. مەسىلەن: قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئوۋلىرى ھالالدۇر. لېكىن، بىر، كىشى ئوۋلىغان بىر كېيىك ياكى بېلىقنى بۇرۇن باشقا بىر ئوۋچى ئوۋلاپ ئۇنىڭ قولىدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن. ھاۋادىن ئېلىۋېلىنغان يامغۇر سۈيى ئۈچۈن بۇ خىل ئېھتىماللىق يوق. ئوۋچىلىقتا داۋاملىق بۇ ئېھتىماللىقنى ئويلاش ۋە شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئوۋچىلىقتىن ۋاز كېچىش پەقەت ۋەسۋەسە سەۋەبلىك ئارتۇقچە ،سەزگۈرلىشىپ كېتىشتۇر. چۈنكى، ئۇ ئاساسسىز پەرەزدىنلا ئىبارەتتۇر. لېكىن كېيىكنىڭ تېنىدە ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئوۋى ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىدىغان يارا چاغلىق بىر ئالامەت بار بولسا ھۆكۈم ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، كىشى بىر كېيىكنى تۇتقاندىن كېيىن تېنىدە بىرەر جاراھەت ئىزىنى تاپسا، بۇنىڭ باشقىلارنىڭ. بولۇش ئېھتىماللىقى بار. دېمەك، مانا مۇشۇ نۇقتا تەقۋالىقنىڭ ئورنىدۇر

شۈبھىنىڭ چېكى دېگىنىمىز ئوخشىمىغان ئىككى قانائەتنى تەقەززا قىلىدىغان )ئىككى نەرسىدىن چىققان ئىككى قاراش (ھالال ياكى ھارام ئىكەنلىكىدە .قارىمۇقارشى كېلىپ قالغان نۇقتىدۇر

شۈبھىنىڭ مەنبەلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئەڭ مۇھىملىرى مۇنۇ ئىككى مىسالدا: بىرىنچى مىسال: ھالال ياكى ھارام قىلغۇچى ئامىل ھەققىدە شۈبھىگە چۈشۈش :بۇ تۆرت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

تۈر: ئەسلى ئېنىق ھالال، ئەمما دەملا شەك پەيدا بولۇش. بۇ تۈرلۈك- 1 شۈبھىدە ساقلىنىش ۋاجىب، تەۋەككۈل قىلىش ھارامدۇر. مەسىلەن: كىشى بىر ئوۋنى كۆرۈپ، ئۇنى يارىلاندۇرسا، ئاندىن ئۇ ھايۋان قېچىپ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، ئوۋچى ئۇنى ئۆلۈك ھالەتتە تاپسا، ئوۋچى ئۇنى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلدىمۇ .ياكى ئوق يارىسى سەۋەبىدىن ئۆلدىمۇ بىلەلمىسە، بۇ ھايۋاننى يېيىش ھارام. چۈنكى، بۇنىڭدا ئەسىل قائىدە ھايۋاننىڭ ھارام بولىدىغانلىقىدۇر

تۈر: ھالال ئىكەنلىكى بىلىنگەن، ھارام بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىدىن شەك- 2 قىلىش. بۇ مەسىلىدە ئەسىل قائىدە بويىچە ئۇ نەرسە ھالال. مەسىلەن: بىر، ئۇچارقانات ئۇچسا، ئاندىن بىر ئادەم: «ئەگەر بۇ قۇش قاغا بولۇپ قالسا ئايالىم تالاق» دېگەن بولسا ۋە باشقا بىر ئادەم: «ئەگەر ئۇ ئۇچارلىق قارغا ) قانات (قارغىمۇ، يا ئەمەسمۇ- بولمىسا، ئايالىم تالاق» دېسە، ئاندىن بۇ ئۇچار، ئوچۇق بولمىسا، بىزچە ئىككىلىسىگە «ھارام» دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ. لېكىن

ھەر ئىككىسىنىڭ ئايالىدىن يىراق تۇرۇشى ۋە ئاياللىرىنىڭ تالاق قىلىنىشى .تەقۋالىقتۇر

تۈر: ئەسلىدە ھارام، لېكىن كۈچلۈك بولغان بىر گۇمان سەۋەبلىك- 3 شۈبھە- ھالاللىقنى ۋاجىب قىلىدىغان بىر سەۋەب كېيىن ئوتتۇرىغا چىققاچ شەك تۇغۇلۇش. بۇنىڭدا ھالاللىق ئېھتىمالى ئۈستۈندۇر. مەسىلەن، بىراۋ بىر ئوۋنى يۇ، ئۇنى تۇتۇۋالماي تۇرۇپ يوقىتىپ قويىدۇ. كېيىن ئۇ- ئېتىپ تەگكۈزىدۇ ،كىشى ئوۋنى ئۆلۈك ۋە ئۆزى ئاتقان ئوقتىن باشقا يارا ئىزى يوق ھالدا تاپىدۇ كۈچلۈك قاراشتا ئۇ ھايۋان ھالال. چۈنكى، ئۇنىڭ باشقا ئامىل بىلەن ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقى دەلىلگە تايانمىسا، بۇ شۈبھە پەقەت ۋەسۋەسىدىن ئىبارەتتۇر. ئەمما ئوۋنىڭ ئۈستىدە باشقا سوقۇلۇش ياكى جاراھەت ئىزى بولسا بىرىنچى تۈرگە .)كىرىدۇ (يەنى ئۇ ھايۋاننى يېيىش ھارامدۇر

، تۈر: ھالاللىقى باشتىن ئېنىق، لېكىن كېيىنچە شەرئىي جەھەتتە ئېتىبارلىق- 4 كۈچلۈك بىر گۇمان بىلەن ھارامغا جورۇلۇپ قېلىش. مەسىلەن: گۇمان قوزغايدىغان مۇئەييەن بىر ئالامەتكە تايىنىپ تۇرۇپ ئىككى قاچىنىڭ بىرىنىڭ نىجىس ھۆكۈم قىلىنىشى. بۇ ھۆكۈم ئۇ قاچىدىكى— ئىجتىھاد بىلەن— ئىكەنلىكىگە سۇدا تاھارەت ئېلىشنى ھارام قىلغاندەك، ئۇنىڭدىكى سۇنى ئىچىشنىمۇ ھارام. قىلىدۇ

ئىككىنچى مىسال: ھارامنىڭ ھالال بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشى ۋە ئۇنى ئېنىق :ئايرىشتا ئاجىز كېلىش. بۇ بىرنەچچە تۈرلۈكتۇر

  1. ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىڭ بىسمىللاھ ئېيتىپ بوغۇزلانغان بىر ياكى ئون ۋەياكى مەلۇم ساندىكى ھايۋاننىڭ گۆشى بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشى؛ .ئېمىلداش قىز قېرىنداشنىڭ يات ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشىمۇ شۇ قاتاردىن، بۇ خىل شۈبھىدىن يىراق تۇرۇش ۋاجىبتۇر (يەنى ئۇنداق گۆشمۇ يېيىلمەيدۇ .)ئۇنداق قىزغىمۇ ئۆيلىنىلمەيدۇ

  2. سانى ئېنىق ھارامنىڭ سانى ئېنىقسىز ھالال بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشى؛ مەسىلەن، كىشىنىڭ بىر ياكى ئون ئېمىلداش قىز قېرىندىشى چوڭ بىر شەھەردىكى ئاياللارغا ئارىلىشىپ قالسا، بۇ شەھەردىكى ھېچقانداق ئايال بىلەن توي قىلماسلىق كېرەك ئەمەس، بەلكى ئۇ شەھەردىكى خاھلىغان ئايال بىلەن. توي قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇنى ھارام قىلىش چوڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ سېتىم- شۇنىڭدەك دۇنيا مېلىغا ھارام ئارىلاشقانلىقىنى بىلگەن كىشى ئېلىم ئىچىشتىن توختىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش- ياكى يەپ

قولايسىزلىق ۋە قىيىنچىلىق كەلتۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ، شۇنداقساھابەلەر جەمئىيەتتە ئۆسۈمخور كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى تۇرۇقلۇق ئۇلار تەڭگىلەرنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ، شۇنداق تۇرۇقلۇقئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا بىر قالقان ئوغۇرلاندى زامانىسىدا قالقان سېتىۋېلىش توختاپ قالمىدى. بۇنىڭدىن ساقلىنىش شەيتان. ۋەسۋەسىسى سەۋەبلىك ساقلىنىش خالاس

  1. ساناقسىز ھارامنىڭ ساناقسىز ھالالغا ئارىلىشىپ قېلىشى؛ زامانىمىزدىكى ئەھۋال دەل مۇشۇنداق. بۇ ئارىلىشىپ قېلىش سەۋەبلىك مۇئەييەن بىرنەرسىنى ئېلىپ يېيىش ھارام ئەمەس، لېكىن مۇئەييەن بىر نەرسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىدىغان، مەسىلەن زالىم پادىشاھنىڭ قولىدىن ئېلىنغان نەرسە دېگەندەك، بىرەر ئالامەت تېپىلسا ئۇنى ئېلىش ھارامدۇر. ئەگەر بىرنەرسىدە ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدىغان ئالامەت بولمىسا، ئۇنى ئالماسلىق تەقۋادارلىق، ئېلىشمۇ ھارام ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ،ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇ زاتتىن كېيىنكى راشىد خەلىپىلەر زامانىدا ھاراق پۇللىرى ئۆسۈم پۇللىرى ۋە خىيانەت قىلىنغان غەنىيمەتلەر باشقا ماللارغا ئارىلىشىپ تالاڭ قىلىنىشى ۋە زالىملارنىڭ قىلىقلىرىغا- قالاتتى؛ ساھابەلەر مەدىنەنىڭ بۇلاڭ سېتىقنى توسمىدى. ئەگەر توسۇلغاندا- تانۇق بولغانىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار سودا ئىدى، تىجارەتنىڭ بارچە ئىشىكلىرى ئېتىلگەن بولاتتى. چۈنكى، بەندىچىلىكتە گۇناھتىن خالىي بولالماسلىق، دىققەتسىزلىكلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ماللار بىرىگە زىت- ئەسلىدە ھالالدۇر. لېكىن، ئەسىل بىلەن كۈچلۈك گۇمان بىر كوينىڭ- كەلسە، كۈچلۈك گۇماندا توغرىلىق ئالامىتى بولمىسا، خۇددى كوچا ، پاتقىقى ۋە مۇشرىكلەرنىڭ قاچىلىرى توغرىسىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك- لاي ئەسلگە ئاساسەن (ھالال) ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ناسارا ئايالنىڭ ساپلا قاچىسىدىن سۇ ئېلىپ تاھارەت ئالغان. ھالبۇكى، ناسارالار شاراب ئىچەتتى، چوشقا گۆشى يەيتتى ۋە نىجاسەتتىن ساقلانمايتتى. شۇنداقلا ئەسھابمۇ .ئاشلانغان تېرە ۋە بويلاغان كىيىملەرنى كىيەتتى

تېرە ئاشلىغۇچى ۋە بوياقچىلارنى كۆزەتكەن كىشى ئۇلارنىڭ ئادەتتە مەينەتچىلىكتىن قېچىپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. دېمەك، ساھابەلەر ئۈستىدە نىجاسەتنى ياكى نىجاسەت ئالامىتىنى ئېنىق كۆرمىگۈچە ئۇنداق نەرسىلەرنى كىيىۋەرگەن. مۇئەييەن ئەھۋال ۋە شارائىت ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۇششاق غەم ۋە پەرەزلەر بىلەن ئىشى بولمىغان، سوئال: «ساھابەلەر تاھارەت ئىشىدا شۇنچە كەڭ يول تۇتقان تۇرۇپ »ھاراملىقى شۈبھەلىك نەرسىلەردىن ساقلىناتتى، بۇنىڭدىكى پەرق نېمە؟ :دېيىلسە، بىز دەيمىزكى.

جاۋاب: «ئەگەر ‹تاھارەت ئىشىدا كەڭ يول تۇتاتتى› دېگىنىڭ ئۇلارنىڭ، نىجاسەت بىلەن ناماز ئوقۇۋېرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولساڭ، بۇ باتىل ناتوغرا سۆزدۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ساقلىنىش ۋاجىب بولغان بارلىق نىجاسەتلەردىن ساقلىنىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولساڭ، بۇ سۆزۈڭ ھەق، توغرىدۇر. شۈبھەلىك نەرسىلەردىن ساقلىنىدىغانلىقلىرىغا كەلسەك، بۇ كىشىنىڭ چاتاق بار نەرسىگە .يۇقۇشۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۆز نەپسىنى چاتاق يوق نەرسىدىنمۇ تارتىشىدۇر دۇنياغا مايىل ۋە ھېرىس كېلىدۇ، تاھارەتكە كەلگەندە- ئىنسان نەپسى مال !بۇنىڭ ئەكسىچە. ئۇنداقتا قانداقمۇ بۇ ئىككىسىنى ئۆزئارا قىياس قىلىپ بولسۇن؟ دەرۋەقە ئەسھاب كىراملەر قەلبلىرىنى ئاللاھدىن مەشغۇل قىلىدىغان ھەرقانداق.»نەرسىدىن يىراق تۇرغان. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر

ئۈچىنچى قىسىم: ئىزدىنىش، سوراش، ھۇجۇم قىلىش، سەل قاراش ۋە بۇلارنىڭ مۇمكىنچىلىك ئورۇنلىرى

بۆلۈم: “ئۈچىنچى قىسىم: ئىزدىنىش، سوراش، ھۇجۇم قىلىش، سەل قاراش ۋە بۇلارنىڭ مۇمكىنچىلىك ئورۇنلىرى”

بىلگىنكى، ساڭا بىرەر تائام سۇنۇلسا ياكى بىرنەرسە ھەدىيە قىلىنسا ۋەياكى بىراۋدىن بىرنەرسە سېتىۋالماقچى بولساڭ، «بۇ مەن ھالاللىقىدىن ئەسلا خاتىرجەم نەرسە ئەمەس، شۇڭا ئۇنى تەكشۈرىمەن» دەپ يۈرمىگىن، شۇنداقلا تامامەن تەكشۈرمەيمۇ قويمىغىن. بەلكى سوراش بەزىدە ۋاجىب، بەزىدە ھارام، بەزىدە مۇستەھەب، بەزىدە بولسا مەكرۇھتۇر. بۇ ھەقتىكى ئەڭ ئۇيغۇن سۆز: سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىمالى بار يەرلەر شۈبھىلىك يەرلەردۇر، بۇ شۈبھە يا مال ئىگىسىگە .مۇناسىۋەتلىك ياكى مالغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ

مال ئىگىسىگە مۇناسىۋەتلىك شۈبھە: مەسىلەن، ئۇنىڭ بىلىنمىگەن بىر كىشى قىياپىتىدىن نە زالىمنىڭ ئۆزى ياكى زالىمغا- بولۇشى. يەنى، تاشقى تۇرۇق، يانتاياق كىشىگە دالالەت قىلىدىغان، نە ئىلىم ئەھلى، زاھىد كۆرۈنۈشلۈك. ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەت يوق كىشى دېمەكتۇر، بۇنداق كىشىدىن سوراش بىھاجەت. چۈنكى، بىھۇدە سوراش مۇسۇلمانغا ئەزىيەت ھەتتا بوھتانغا ئاپىرىدۇ. بۇنداق ئادەم «گۇمانلىق ئادەم»مۇ ئەمەس، چۈنكى زوراۋانلىق ياكى قاراقچىلىق— ئۇنىڭدا گۇمان قوزغىغۇدەك ئەقەللىي بىرەر ئالامەت

يوق تۇرۇپ— بىلەن داڭق چىقارغان بىرەر تائىپە ياكى سەھرالىقلارچە تەبىئەت «گۇمانلىق» ئاتاپ بولمايدۇ. ئەھۋالى بىلىنمىگەن كىشى بىلەن سودا مۇئامىلىسى قىلىش جائىز، چۈنكى مالنىڭ ئۇنىڭ قولىدا بولغىنى مال ئىگىسىنىڭ شۇ كىشى دالالەتتۇر. لېكىن بۇنداق كىشى بىلەن— گەرچە ئاجىز بولسىمۇ— ئىكەنلىكىگە .سودا قىلماسلىق تەقۋالىقتۇر

مالغا مۇناسىۋەتلىك شۈبھە: ھارام بىلەن ھالالنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشى زۇمبۇلۇق بىلەن بۇلاپ ئېلىۋېلىنغان- دېگەندەك. ئاليلۇق، بىر بازارغا زورلۇق ئاشلىقلار دۆۋىلەنگەن بولسا ۋە ئۇنى بازار ئەھلى سېتىۋالغان بولسا، شۇ يۇرت ھالال— بازىرىدىن نەرسە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ سېتىۋالغان نەرسىلىرى توغرۇلۇق سۈرۈشتە قىلىشى ۋاجىب— ماللاردىنمۇ ياكى ھارام ماللاردىنمۇ ئىكەنلىكىنى ،ئەمەس. لېكىن، ھېلىقى ماللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى جەزملەشسە ئۇ چاغدا سوراش ۋاجىب؛ ئەگەر كۆپىنچىسىى ھارام بولمىسا، تەكشۈرۈش. تەقۋالىق، لېكىن ۋاجىب ئەمەس

سېتىق مۇئامىلىسى قىلىدىغان، ھەم ئۆسۈم بىلەنمۇ- ھەم توغرا رەۋىشتە سودا مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىدەك ھالال مېلىغا ھارام ئارىلاشقان كىشى ھەققىدىكى ،قارىشىمىزمۇ مۇشۇنداق. يەنى بىر سودىگەرنىڭ مېلىنىڭ كۆپى ھارامدىن بولسا ئۇنىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىش ۋە ھەدىيە بەرگەن بولسا قوبۇل قىلىش ياخشى سۈرۈشتۈرۈپ، تەكشۈرگەندىن كېيىن جائىزدۇر. ئەگەر بېرىلگەن نەرسىنىڭ ھالال يولدىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولسا ئېلىش دۇرۇس، ئۇنداق بولمىسا ئالماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ مېلىدا ھارام ئازراق بولسا، ئۇنىڭدىن بىرنەرسە .ئېلىش شۈبھىلىك، ئالماسلىق تەقۋالىقتۇر

بىلگىنكى، سۈرۈشتۈرۈش شۈبھە سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. سۈرۈشتۈرۈلگۈچى كىشىنىڭ ئەيىبلىنىش زۆرۈرىيىتى يوق بىرى بولغىنىدەك، ئۇنىڭغا تۇتىشىدىغان شۈبھىنىڭ يوقىلىشى بىلەن سۈرۈشتۈرۈش توختىتىلىدۇ. ئەكسىچە ئەيىبلىنىدىغان بىرى بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭ چاقىرغان زىياپىتى ياكى بەرگەن سوۋغىتىدا بىرەر سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كەتمە، باشقىلاردىنمۇ سۈرۈشتۈرۈپ- غەرەز سەزسەڭ، گەپ . شۈبھە ئېنىق جايىنى تاپقاندا توختا- كۆر. تاكى شەك

تۆتىنچى قىسىم: ھالال ۋە ھارام مەسىلىلىرى ۋە تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ھارام ماللاردىن قانداق قۇتۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا

بۆلۈم: “تۆتىنچى قىسىم: ھالال ۋە ھارام مەسىلىلىرى ۋە تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ھارام ماللاردىن قانداق قۇتۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا”

بىلگىنكى، ئىلكىدە ھالال ۋە ھارام ئارىلاشقان مېلى بار ھالدا تەۋبە قىلغان

كىشى ھارام مالنى ھالال ماللىرىدىن ئايرىپ چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر مال تۈرلىرى بويىچە ئېنىق بولسا، ئۇنىڭ ئىشى ئاسان. ئەگەر ئارالاش، ئېنىق ئايرىغىلى پۈچەك ۋە ياغ دېگەندەك- بولمايدىغان مال بولسا، خۇددى ئاشلىق، پۇل ئوخشىشى بار ماللاردىن بولۇپ، مىقدارى مەلۇم بولسا، ھارام مىقدارنى ئۇنىڭ ئىچىدىن ئايرىپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھارامنىڭ مىقدارىدا شۈبھىلەنسە، بۇنى ھەل :قىلىشنىڭ ئىككى يولى بار

بىرى: كۈچلۈك گۇمان بويىچە ئايرىش

يەنە بىرى: ئەڭ يېقىنلاشقانلىقىغا قانائەت قىلغان مىقدارنى ئايرىش، بۇ .تەقۋالىقتۇر

ھارام مالنى ئايرىپ چىقارغاندىن كېيىن، ئۇ مالنىڭ مۇئەييەن بىر ئىگىسى بولسا، شۇ ئىگىسىگە ياكى ئۇنىڭ مىراسخورىغا بېرىش، ئەگەر ئۇ مالنىڭ. ئارتۇقچىسى ۋە پايدا كىرىمى بار بولسا، ھەممسىنى يىغىپ تاپشۇرۇش ۋاجىبتۇر ئەگەر مالنىڭ ئىگىسىنى تېپىپ چىقىشتىن ئۈمىد ئۈزۈلسە ياكى مال ئىگىسى ئۆلۈپ مىراسخورى قالغان ياكى قالمىغانلىقى بىلىنمىسە، ئۇ مال سەدىقە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ ئولجىدىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يىغىلغان مالدىن ئېلىنغان بولسا، ئۇ كۆۋرۈك ياساش، مەسجىد سېلىش، مەككە يولىنى ياخشىلاش ۋە شۇ .يولدىن ئۆتكەن مۇسۇلمانلارغا پايدا كەلتۈرۈدىغان خۇسۇسلاردا سەرپ قىلىنىدۇ

ئۈلگە: ئەگەر بىر كىشىنىڭ قولىدا ھالال ۋە شۈبھىلىك مال بولسا، ھالال مالنى - ئىچمەك ۋە كىيىم- ئۆزىگە سەرپ قىلسۇن. كىشىنىڭ بۇ ھالال مالنى يېمەك كېچەكلىرىگە سەرپ قىلىشى ئۇنى لوڭقا قويۇپ قان ئالغۇچىنىڭ (ۋە باشقا ھۈنەرۋەنلەرنىڭ) ئىش ھەققىگە، تونۇر ئوتۇنى، چىراغ مېيى ۋە شۇنىڭغا، ئوخشىغان ئىشلارغا سەرپ قىلغىنىدىن «ياخشى» دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم لوڭقا قويۇپ قان ئالغۇچىنىڭ كىرىمى .ھەققىدە: «ئۇنىڭغا تۆگەڭگە يەم خەشەك ئالغىن!» دېگەن

مۇھەييىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاجاماتچى ساھابەگە ئىش ھەققى ئېلىشقا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى ئۆزى يېمەي، تۆگىسىگە ۋە مالىيىغا خەجلەشكە بۇيرۇغان. بۇ ئىش ھەققىنىڭ ئۆزىنىڭ ھارام ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھارام بولسىدى، ئۇنى تۆگىسى ياكى مالىيىغا يېگۈزۈشىمۇ ھارام بولاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن لوڭقا قويۇپ قان ئالدۇرغانلىقى ۋە ئىش ھەققى بەرگەنلىكى سەھىھ، ھەدىسلەردە كەلگەن. مۇبادا ئىش ھەققى ھارام بولسىدى، ئۇنى بەرمىگەن بولاتتى. شۇڭا قان ئالغۇچىنىڭ ئىش ھەققىنى ناچار كىرىم دەپ سۈپەتلىگەن ھەدىسلەرنى تەنزىھىي

ئانىنىڭ ئىلكىدە ھارام يولدىن تاپقان مال بولسا، ئۇلار بىلەن- ئەگەر ئاتا ئانىغا- بىللە تاماق يېمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۇ شۈبھىلىك مال بولسا، ئاتا ئانا بالىسىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن تاماق- ئىللىق مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئاتا. يېمەسلىكىنى قوبۇل قىلالمىسا، ئازراق يېسە بولىدۇ

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىشر ئەلھافىي ئانىسى بەرگەن بىر تال خورمىنى ئۇنىڭ. كۆز ئالدىدا يەيدۇ، ئاندىن ھۇجرىدىن چىقىپ ئۇنى قۇسۇۋېتىدۇ

بەشىنچى قىسىم: پادىشاھلار بەرگەن ھەدىيەلەر، تارتۇقلار ۋە زالىم سۇلتانلار بىلەن قىلىنغان ئۈلپەتچىلىكتىن ھالال بولغانلىرىنىڭ بايانى

بىلگىنكى، پادىشاھتىن مال ئالغان كىشى ئۇ مالنىڭ پادىشاھقا قەيەردىن، كەلگەنلىكىگە، ئۇ مالنى ئۆزىنىڭ قايسى سۈپىتىگە ئالغانلىقىغا، ئۇنىڭ مىقدارىغا. يەنى ئۆزىنىڭ ئۇ مىقدارغا لايىق ياكى ئەمەسلىكىگە قارىشى لازىم

بىر قىسىم ئىلىم ئىگىلىرى بۇنىڭدىن ساقلاندى، بىر قىسىملار ئۇنى ئېلىپ سەدىقە قىلدى. بۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ قانداق كەلگەنلىكى ئايدىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باش ئېگىش، سوراش ۋە مۇنكەرگە سۈكۈت. قىلىش بىلەنلا ئۇنىڭغا ئېرىشىلمەكتە

سەلەفلەردىن بەزىلەر بولسا ئۇنداق مالنى ئېلىشقا لايىق تۇرۇپمۇ ئالمىغانلارنىڭ. بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئالمىغان. بۇ ئەسلىدە ئورۇنلۇق باھانە ئەمەس چۈنكى، ئۇ ئۆز ھەققىنى ئالغان بولۇپ، ئۇ ئالغان ئىش ھەققى پۈتۈن ھەق ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مۈلكى ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا ھەققىنى ئالالمىغانلار زۇلۇمغا. ئۇچرىغانلار قاتارىدا بولىدۇ

قوپۇشنىڭ ھالال ۋە ھارام تامانلىرى-ئەمىرلەر، ۋالىيلەر ۋە زالىملار بىلەن ئولتۇرۇپ

بىلگىنكى، زالىم ئەمىر ۋە ۋالىيلەر بىلەن ئارىلىشىشىڭ مۇنۇ ئۈچ ئەھۋالدا :بولۇر. بىرىنچى ئەھۋال: سېنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىشىڭ، بۇ ئەڭ يامىنىدۇر

دەرۋەقە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى

مەكرۇھلۇقنى بىلدۈرىدۇ دەپ چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا دەلىللەر پەرقلىق، شۇنداقلا ئالىملارنىڭ قاراشلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغاچقا، مۇئەللىفمۇ بۇ خىل ئىش ھەققىنى شۈبھىلىك. كىرىم دائىرىسىگە كىرگۈزگەن

رىۋايەت قىلىنۇر: «سۇلتانلارنىڭ ئىشىكلىرىگە بارغان كىشى پىتنىگە قالىدۇ «بەندە (زالىم) سۇلتانغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالادىن يىراقلىشىتىن.»باشقىغا ئېرىشەلمەيدۇ

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

. پىتنىگە چۈشۈپ قالىدىغان يەرلەردىن ساقلىنىڭلار! دېگەنىدى

نېمىنى كۆزدە تۇتتىڭىزكىن؟ دېيىشتى. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

ئەمىر-ئۆمەرالارنىڭ بوسۇغىسىنى. ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا بارسا خۇشامەتەن يالغانلىرىنى تەستىقلاپ، ئۇلارنى ئۆزىدە يوق سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەپ قويىدىغانلار بار، دېدى

بىر ئەمىر زاھىد بىر كىشىگە:

يېنمىزغا كەلمەمسەن؟ دېگەنىدى، زاھىد جاۋاب بېرىپ:

مېنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇتقان چېغىڭدا پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشىمدىن، مېنى ئۆزۈڭدىن يىراقلاشتۇرغىنىڭدا مەھرۇم قويۇشۇڭدىن قورقىمەن. مەن ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە سېنىڭ قولۇڭدا ئەمەس، مەنمۇ سەن قورقىدىغان نەرسىگە ئىگە ئەمەس. سېنىڭ يېنىڭغا سەن بىلەن كۇپايىلىنىپ، سەندىن باشقىسىغا ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان كىشىلەر كېلىدۇ، مېنى ساڭا موھتاج قىلمىغان رەببىم ماڭا. يېتەرلىك، دېدى

كېلىش قىلىشنىڭ مەكرۇھلۇقىنى- بۇ رىۋايەتلەر سۇلتانلار بىلەن بېرىش. كۆرسىتىدۇ

ھەرىكىتى بىلەن ياكى سۆزى بىلەن- سۇلتاننىڭ يېنىغا كىرگۈچى يا ئىش. ۋەياكى سۈكۈتى بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا دۇچار ۋە مەجبۇر بولىدۇ

ھەرىكىتى بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق- سۇلتاننىڭ ھۇزۇرىغا كىرگۈچى ئىش قىلىشىقا يېقىندۇر، چۈنكى سۇلتانلارنىڭ ھۇزۇرىغا كۆپىنچە زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىنغان جايلاردا كىرىلىدۇ. ئەگەر سۇلتاننى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىنمىغان

ھەدىستە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: «چۆلدە ئولتۇرىدىغان كىشى(نىڭ خۇيى) قاتتىقلىشىدۇ. ئوۋنىڭ كەينىدىن يۈرگەن ئادەم غاپىللىشىدۇ. (پاسىق (زالىم) سۇلتانلارنىڭ ئىشىكىگە بارغان كىشى پىتنىگە چۈشىدۇ… كۆپىنچە ھاللاردا كۆپىنچە ھاللاردا ھارام مالدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن. سايىۋەن، چېدىر دېگەندەكلەرنىڭ دالدىسىدا ياكى سېلىنچىلار ئۈستىدە بولىدۇ ئۇلاردىن پايدىلىنىش ھارامدۇر. ئەگەر ئۇلارمۇ ھالال بولغان تەقدىردىمۇ سۇلتانغا بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ سالام قىلىش، ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇش، خىزمىتىنى قىلىش ۋە زۇلۇم ۋاسىتىسى بولمىش سەلتەنىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كىچىك تۇتۇش قاتارلىق شەرىئەتتە ساقلىنىشقا تېگىشلىك. ئىشلار يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن

زالىم ئالدىدا كەمتەرلىك قىلىش گۇناھ. ھەتتا بىر باي ئالدىدا باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن ئەمەس پەقەت باي بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى كىچىك تۇتقان كىشىنىڭ دىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى كېتىدۇ. ئۇنداقتا زالىم ئالدىدا كەمتەرىن !بولغان كىشىنىڭ ھالى نېچۈك بولۇر؟

سۇلتاننىڭ قولىنى سۆيۈشمۇ مەئسىيەتتۇر. لېكىن، قورقۇپ (مەجبۇر) سۆيسە ،بولىدۇ، شۇنداقلا ئادىل خەلىفە ياكى قولىنى سۆيۈشكە لايىق ئالىم كىشى بولسا قولىنى سۆيۈشكە بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا كىشىلەرگە پەقەت سالام قىلىشقىلا. رۇخسەت

ئىشارىلىرى ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا- ھۇزۇرغا كىرگۈچى سۆز يېقىندۇر. مەسىلەن، زالىمغا (ئېزگۈ) دۇئا قىلىش، ئۇنى مەدھىيەلەش، ئۇنىڭ باتىل سۆزلىرىنى ئاغزاكى ياكى باش لىڭشىتىش، كۈلۈمسىرەش بىلەن تەستىقلاش ۋەياكى زالىمغا بولغان مۇھەببىتىنى، دوستلۇقىنى، كۆرۈشكە خۇشتارلىقىنى ،ئىپادىلەش، ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سەلتەنەت تىلەش ۋەھاكازا. چۈنكى زالىمنىڭ يېنىغا كىرگەن كىشى كۆپىنچە ئۇنىڭغا سالام بېرىش بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدۇ ۋە پاراڭ ئارىسىدا بۇنداق گەپلەرنى .قىلىپ قويىدۇ

بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «زالىمغا باقىيلىق تىلەپ دۇئا قىلغان كىشى .»ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىدۇر

زالىمغا «ئاللاھ سېنى ئىسلاھ قىلسۇن»، «ئاللاھ ساڭا تەۋپىق بەرسۇن. ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان دۇئالاردىن باشقىسى دۇرۇس ئەمەستۇر

سۈكۈتى بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا كەلسەك: سۇلتان ۋە ئەمىرلەرنىڭ، سورۇنلىرىغا داخىل بولغۇچى شۇ سورۇندا يىپەك سېلىنچىلار، كۈمۈش قاچىلار ۋە غۇلاملارغا كىيدۈرۈلگەن يىپەكتىن تىكىلگەن ھارام كىيىملەر كەبى نەرسىلەرنى كۆرىدۇ-يۇ، سۈكۈت قىلىپ قالىدۇ. كىمكى بۇنداق نەرسىلەرنى- نەرسىلەرنى كۆرىدۇ ،كۆرۈپ تۇرۇپ، سۈكۈت قىلىدىكەن، گۇناھتا ئۇلارغا ھەمشېرىكتۇر. شۇنىڭدەك - ياۋىداق لاپ، غەيبەت، تۆھمەت- كۈلكە، يالغان- ئۇلارنىڭ بىھايا ھەزل سۆزلىرىنى ئاڭلاپمۇ جىم تۇرۇشىمۇ ئوخشاش- ھاقارەت ۋە رەنجىتكۈچى گەپ بولۇپ، ھەقىقەتتە بۇلارنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ ۋە يامانلىقلاردىن. توسۇش ۋەزىپىسى باردۇر

ئەگەر دېسەڭكى: ئۇ ئۆزىگە زىيان يېتىشتىن قورققان، شۇڭا سۈكۈت قىلىشتا. ئۆزرىلىكتۇر

بىز دەيمىزكى: توغرا ئېيتىسەن. بىراق ئۇنىڭ مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە ئۆزىنى مۇباھ بولمىغان ئىشنى قىلىشقا دۇچار قىلىشى ئورۇنسىز. چۈنكى، زالىمنىڭ يېنىغا كىرمىگەن بولسا ۋە بۇ ھاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇش ياكى يامانلىقتىن توسۇش مەجبۇرىيىتى بولمايتتى. بىر يەردە مۇنكەر بارلىقىنى / بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ۋە ئۇ يەرگە داخىل بولغان ۋاقىتتا ئۇ مۇنكەرنى توسۇشقا قادىر بولالمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان كىشىنىڭ ئۇ يەرگە .بېرىشى جائىز ئەمەس

سۇلتانلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشنىڭ شەرتلىرى

قوپىدىغان كىشى يۇقىرىدا بىز بايان- سۇلتانلار ۋە ئەمىرلەر بىلەن ئولتۇرۇپ ئۆز قەلبىگە— ساقلىنىشقۇ ناتايىن— قىلغان ئىشلاردىن تامامەن ساقلانسىمۇ كىرگۈسى يامان تۇيغۇ ۋە پىكىرلەردىن ساقلىنالمايدۇ. چۈنكى، كىشى سۇلتان ۋە ئەمىرلەرنىڭ پاراغەتلىك تۇرمۇشىنى كۆرگەندە، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە بەرگەن نېئمەتنى تۆۋەن كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا زالىم سۇلتان ۋە ئەمىرلەرنىڭ يېنىغا كىرىشتە باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشى مۇمكىن، نەتىجىدە ئۇ زالىملارنىڭ. قوللىغۇچىلىرىنى كۆپەيتكەن بولىدۇ

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئۇمەۋىي خەلىفەسى . / م96 – 46 .) ئوغۇللىرى ۋەلىد (ھ705 – 646 . / م86 – 26 .ئابدۇلمەلىكنىڭ (ھ ) بەيئەت قىلىشقا717 – 674 . / م99 – 54 .) ۋە سۇلايمانغا (ھ715 – 668 :چاقىرىلغانىدى، ئۇ

كېچە بىلەن كۈندۈز ئالمىشىپال تۇرىدىكەن، مەن ئۇ ئىككىسىگە بەيئەت— : دېدى. ئۇنىڭغا— قىلمايمەن

(ھېچ بولمىسا) بېرىقى ئىشىكتىن كىرىپ، نېرىقى ئىشىكتىن چىقىپ— : دېيىلگەنىدى. ئۇ جاۋابەن— كەتكىن

ياق! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھېچكىمنىڭ ماڭا ئەگىشىپ قېلىشىنى— خاھلىمايمەن! دېدى. شۇ ۋەجدىن ئۇنىڭغا يۈز دەررە ئۇرۇلۇپ، پوپلارنىڭكىدەك. قارا يەكتەك كىيگۈزۈلگەن ئىدى

يۇقىرىقى بايانلىرىمىزغا بىنائەن زالىم ئەمىرلەرنىڭ يېنىغا پەقەت ئىككى خىل :ئۆزرە بىلەن كىرىش دۇرۇستۇر

  1. ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىشقا مەجبۇر بولۇش ۋە بارمىسا ئەزىيەتكە ئۇچراشتىن قورقۇش؛

  2. بىر مۇسۇلماننى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كىرىش. دېمەك، يالغان ئېيتماسلىق، ئۆگمەسلىك ۋە قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن نەسىھەتنى قىلىش شەرتى بىلەن زالىمنىڭ يېنىغا كىرىشكە بولىدۇ. مانا بۇ زالىم سۇلتان ۋە ئەمىرلەرنىڭ. يېنىغا كىرىشنىڭ ھۆكمىدۇر

ئىككىنچى ئەھۋال: زالىم سۇلتاننىڭ زىيارەتكە كېلىشى. بۇ ئەھۋالدا سالامىغا ئىكرام قىلىش پادىشاھنىڭ- جاۋاب بېرىش كېرەك. ئورنىدىن تۇرۇش ۋە ئىززەت ئىكرامىغا جاۋاب قايتۇرۇش بولۇپ، ھارام ئەمەس. چۈنكى، سۇلتان- ئىززەت زۇلمى سەۋەبلىك ئەيىبلىنىشكە لايىق بولغاندەك، دىن ۋە ئىلىمنى ھۆرمەتلىگەنلىكى ،سەۋەبتىن ماختىلىشقا لايىقتۇر. ئەگەر سۇلتان يالغۇز زىيارەتكە كەلگەن بولسا كىشى دىننى ئەزىز قىلىش مەقسىتىدە ئورنىدىن تۇرۇشنى خاھلىسا، ئورنىدىن تۇرسا بولىدۇ. ئەگەر سۇلتان بىر جامائە بىلەن كىرسە، «ھۆكۈمدارلارنىڭ ئابرۇيىغا رىئايە قىلىش ئەۋزەل» دەپ قاراپ ئورنىدىن- رەئىييەت ئالدىدىكى يۈز تۇرسا ھېچقىسى يوق. ئەگەر ئورنىدىن تۇرماسلىقى ئاۋام ئىچىدە پاساتچىلىق تۇغدۇرمايدىغانلىقىغا، سۇلتاننىڭ غەزىپىنى قوزغىمايدىغانلىقىغا ۋە بىرەر ئەزىيەت تارتمايدىغانلىقىغا ئىشەنسە، ئورنىدىن تۇرۇپ سۇلتاننى ئەزىزلەشكە تىرىشمىسمۇ .بولىدۇ

سۇلتان ۋە ئەمىرلەرگە نەسىھەت قىلىش ۋە بەزىبىر قىلىش ھارام ئىكەنلىكىنى ،بىلمەيدىغان نەرسىلىرىنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ۋاجىبتۇر. ئەمما (ھەممە بىلىدىغان) زۇلۇم قىلىش ۋە ھاراق ئىچىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنىڭ پايدىسى يوق. شۇ بىلەن بىرگە كىشى «ئەگەر قورقۇتۇش سۇلتاننىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، مەئسىيەتلەرنى تاشلىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دەپ قانائەت كەلتۈرسە، ئۇنى گۇناھ قىلىشتىن قورقۇتۇشى ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك. زالىمنى مەئسىيەتسىزمۇ يەتكۈزىدىغان شەرىئەتەن توغرا يولنى- ئۆز مەقسىتىگە گۇناھ بىلىدىغان كىشى ئۇنىڭغا شۇ يولنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق زالىمنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن گۇناھلارغا بىپەرۋا، ئۆز بېشىمچە ئىش قىلىشىنىڭ. ئالدىنى ئالالايدۇ

ئۈچىنچى ئەھۋال: سۇلتان بىلەن ھۇزۇرغا چىققۇچىلارنى يۈزمۇيۈز كۆرۈشمەيدىغان شەكىلدە تۇتۇش. بۇ ئەڭ بىخەتەردۇر. زالىملارنى زۇلمى ،سەۋەبلىك يامان كۆرۈش، ئۇلارغا يولۇقۇشتىن قېچىش، ئۇلارنى ماختىماسلىق ئەھۋالىنى سورىماسلىق، ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بارلارغىمۇ يېقىن يولىماسلىق- ھال جۇدا بولغانلىق سەۋەبىدىن قولىدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا- ۋە ئۇلاردىن ئادا پۇشايمان قىلماسلىق كېرەك. بىر كىشى مۇنداق دېگەنىكەن: پادىشاھلار بىلەن مېنىڭ ئارامدا پەقەت بىر كۈنلا پەرق بار. تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلار ئۆتۈپ لەززىتىنى قايتا تاپالمايدۇ، ئەتىدىن ئۇلارمۇ، مەنمۇ- كەتكەن كۈننىڭ ھەشەمەت قورقۇپ غەم يەيمىز. ئۇنداقتا ئارىمىزدا پەقەتلا بۈگۈننىڭ پەرقى بار. بۈگۈندىنمۇ !نېمىنى كۈتكۈلۈك دەيسىز؟

مىسال: سۇلتان ساڭا نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن مال ئەۋەتسە، ئۇ .مالنىڭ ئىگىسى ئېنىق بولسا، سېنىڭ ئۇ مالنى قوبۇل قىلىشىڭ ھالال بولمايدۇ ئۇ مالنىڭ— ئىلگىرى بايان قىلىنغاندەك— ئەگەر ئىگىسى ئېنىق بولمىسا ھۆكمى سەدىقە قىلىۋېتىشتۇر. ئۇنى نامراتلارغا سەدىقە قىلىشنى ئۆز ئۈستۈڭگە .ئالساڭ بولىدۇ

ئالىملار ئىچىدە بۇنداق مالنى ئېلىشتىن باش تارتقانلار بار. ئەگەر ماللىرىنىڭ. كۆپىنچىسى ھارام مال بولسا، ئۇنداق زالىملار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھارامدۇر :زالىملار سالدۇرغان كۆۋرۈك، مەسجىد ۋە سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىگە قاراش كېرەك ئەگەر ئۇلار سېلىنغاندا ئىشلىتىگەن نەرسىلەر ئېنىق بىر كىشىدىن يولسىزلارچە ئېلىنغان بولسا، زۆرۈرىيەت بولمىسا ئۇنداق كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش، ئۇنداق مەسجىدتە ناماز ئوقۇش ۋە ئۇنداق توسمىلاردىن سۇ ئىچىش دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر ئىگىسى .ئېنىق بولمىسا، پايدىلىنىش دۇرۇس. ئەمما، ساقلىنىش تەقۋالىقتۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر

ئىزاھاتلار:

  • ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە» (1301) دە «زەئىف» دېگەن.
  • ھاكىم (4165)؛ ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 4/306): «سەنەدى بەكلا زەئىف» دېگەن.
  • ئەھمەد (5114)؛ بۇخارىي 2914-ھەدىستىن بۇرۇن مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان؛ ئىراقىي ۋە ئالبانىيلار «سەھىھ» دېگەن.
  • مۇسلىم (1015).
  • مۇسلىم (102). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • تىرمىزىي (3087): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ جازانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىناۋەتسىز» دېگەن.
  • ئەبۇ داۋۇد (2860)؛ ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.

ئون بىرىنچى بۆلۈم: سۆھبەت، قېرىنداشلىق ۋە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنىڭ ئەدەبلىرى

بۆلۈم: “ئون بىرىنچى بۆلۈم: سۆھبەت، قېرىنداشلىق ۋە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنىڭ ئەدەبلىرى”

بىلگىنكى، دوستلۇق گۈزەل ئەخلاقنىڭ مېۋىسى، ياتلىشىش يامان خۇلقنىڭ بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈش ۋە- كۈلپىتىدۇر. چۈنكى، گۈزەل ئەخلاق بىر ماسلىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ، يامان خۇلق ئۆزئارا نەپرەت ۋە دۈشمەنلىكنى تۇغدۇرىدۇ. گۈزەل ئەخلاقنىڭ پەزىلىتى ھېچكىمگە مەخپىي ئەمەس. ھەدىسلەردە .كۆپ دالالەت قىلىنغان

ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى مۇئمىننىڭ تارازىسىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ بەكرەك ئېغىر باسىدىغان نەرسە يوق» دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك ۋە ئورۇن جەھەتتە ماڭا ئەڭ يېقىن بولىدىغىنىڭلار گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغىنىڭلاردۇر. قىيامەت كۈنى مەندىن.»ئورۇن جەھەتتە ئەڭ يىراق بولىدىغىنىڭلار خۇلقى ئەڭ يامان بولغىنىڭلادۇر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «كىشىلەرنى ئەڭ كۆپ جەننەتكە كىرگۈزىدىغان نەرسە نېمە؟» دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى .ۋەسەللەم: «ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق» دەپ جاۋاب بەردى

ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرۈش

بۆلۈم: “ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرۈش”

ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشكە كەلسەك، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا يەتتە تۈرلۈك كىشىگە ئۆزىنىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە بولمىغان

كۈندە سايە بېرىدىغان يەتتە كىشىنىڭ بىرىدۇر. سايە بېرىدۇ» دەپ ئۇلار ئىچىدە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بىر سۆيگەن، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بىر يەرگە كەلگەن ۋە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئايرىلغان . يەنە بىر ھەدىس قۇدسىيدا، ئاللاھ تائالا مۇنداقئىككى كىشىنى تىلغا ئالدى دېگەن: «مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن ئۆزئارا ياخشى كۆرۈشكەن، مېنىڭ رازىلىقىم بىرىنى- بېرىشكەن ۋە مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بىر- ئۈچۈن ئۆزئارا ئېلىپ.»زىيارەت قىلىشقانلارنى مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈم ھەقتۇر

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىمان تۇتقۇلىرىنىڭ مۇستەھكەمراقى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن دوست تۇتۇش ۋە ئاللاھ .. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر كۆپتۇررازىلىقى ئۈچۈن دۈشمەن تۇتۇشتۇر» دېگەن

بىلگىنكى، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن كىشى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن يامان كۆرەلەيدۇ. يەنى كىشى بىر كىشىنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەتمەنلىكى ئۈچۈن يۇ، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىپ قالغان ھامان- ياخشى كۆرسە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئۇنى يامان كۆرىدۇ. چۈنكى، كىشى بىر سەۋەبتىن باشقىلارنى ياخشى كۆرسە، دەل شۇ سەۋەبنىڭ ئەكسى ئۈچۈنمۇ ئۇلارنى يامان كۆرەلەيدۇ. بىر كىشىدە ياخشى ۋە يامان خىسلەتلەر تەڭ تېپىلسا، كىشى ئۇنى ياخشى خىسلىتى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، يامان خىسلىتى ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ. شۇڭا، مۇسۇلماننى ئۇنىڭ دىنى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشۈڭ، گۇناھلىرى ئۈچۈن يامان كۆرۈشۈڭ كېرەك. شۇنىڭغا بىنائەن ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ياكى يىراق تەرەپلىرىڭنى دەڭسەپ. تۇرۇپ ئوتتۇراھال مۇئامىلىدە بولىسەن

تۇيماي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، شۇ ئىشىغا پۇشايمان قىلغان مۇسۇلماننىڭ، قۇسۇرىنى كۆرمەسكە سېلىش ۋە ئۇنى يېپىش لازىم. ئەگەر ئۇ گۇناھىدا ئەزۋەيلىسە يەڭگىللىكىگە- ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش، يىراقلىشىش ۋە قىلغان گۇناھىنىڭ ئېغىر ئاشكارا ئىپادىلەش- قاراپ، قاتتىق گەپ قىلىش بىلەن بىئاراملىقىنى ئوچۇق. كېرەك

[ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرگەنلەرنىڭ مەرتىۋىلىرى ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە ]قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا

بىلگىنكى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئۈچ قىسىمدۇر:

  1. كافىرلار؛ ئەگەر ئۇ (مۇسۇلمانلار بىلەن) ئۇرۇشۇۋاتقان كافىر بولسا، ئۇ ئۆلۈمگە ياكى قۇل قىلىشقا لايىقتۇر. ئۇلارغا بۇ ئىككىسىدىنمۇ بەكرەك ئېغىر، خارلىق يوق. ئەگەر ئۇ زىممىي (ئىسلام دۆلىتىدە مۇسۇلمانلارغا باج تاپشۇرۇپ مۇسۇلمانلار ئامانلىقىدا ياشايدىغان كافىر) تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى ئىش قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا يۈز قارىماي، تەكەللۇپ قىلماي، يولنىڭ تار يېرىگە قىستاپ ئاپىرىپ، سالامنى باشتا قىلماي ۋە سالام قىلسا «ۋەئەلەيكە» دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشتىن باشقا ئازاربىلەن جاۋاب بېرىپ كەمسىتىش. بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ

تۈزۈكراقى ئۇنداق زىممىي بىلەن ئارىلاشماسلىق، تىجارىي مۇئامىلە قىلماسلىق -ۋە بىرگە تاماق يېمەسلىك كېرەك. دوستلارغا قىلغاندەك، ئۇلار بىلەن ئېچىلىپ. يېيىلىپ ئولتۇرۇش ۋە يېقىن ئۆتۈش مەكرۇھتۇر

  1. بىدئەتچىلەر؛

ئەگەر كىشى بىدئەتكە چاقىرغۇچى كىشى بولسا ۋە ئۇ چاقىرغان بىدئەت كۇفۇرغا ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت بولسا، ئۇنىڭ ئەھۋالى زىممىينىڭكىدىن ياماندۇر. چۈنكى، بۇ ئادەمدىن جىزيە ئېلىنمايدۇ، ئامانلىق توختىمى بىلەن كەڭ قورساقلىقمۇ قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بىدئەتى كۇفۇرغا ئېلىپ بارمايدىغان بىدئەت بولسا، شەكسىزكى ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى ئەھۋالى كافىرنىڭكىدىن يەڭگىلراق، لېكىن ئۇنى رەت قىلىش كافىرنى رەت قىلىشتىن بەكرەك زۆرۈردۇر. چۈنكى، كافىرنىڭ يامانلىقى باشقىلارغا ئۆتمەيدۇ، ئۇنىڭ سۆزى .ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ھالبۇكى ئۆز بىدئەتىگە چاقىرىدىغان بىدئەتچى پەرقلىق ، دە- چۈنكى، ئۇ ئۆزى چاقىرىۋاتقان بىدئەتنى ھەق بىلىپ دەۋا قىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئېزىشىغا سەۋەب بولىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ يامانلىقى ئۆزى بىلەنلا، توختاپ قالمايدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئاشكارا يامان كۆرۈش، ئۇنىڭدىن ئالاقىنى ئۈزۈش

بۇ بەزى مەزھەبلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، توغرىسى، كۆپلىگەن ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك

ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە بولمىغان كافىرلارغا سالام بەرسە ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالسا بولىدۇ. مەسىلەن: «سىلەر بىلەن دىن سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن ئاللاھ سىلەرنى توسمايدۇ، چۈنكى ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ» «60مۇمتەھىنە-8». يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن ئاللاھ سىلەرنى توسمايدۇ، چۈنكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى «60مۇمتەھىنە-8» سۆيىدۇ

ئۇنى دۈشمەن تۇتۇش، تۆۋەن كۆرۈش، بىدئەتىنى ئەيىبلەش ۋە كىشىلەرنى .ئۇنىڭدىن تەزدۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم ۋە كېرەكلىكتۇر

ئەمما، بىدئەتىگە چاقىرمايدىغان / چاقىرالمايدىغان، بىراۋنىڭ ئەگىشىپ. كېتىشىدىن ئەنسىرەش بىھاجەت بىدئەتچىگە كەلسەك، ئۇنىڭ ئىشى ئاسان ئۇنىڭغا يۇمشاق نەسىھەت قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئاۋام خەلقنىڭ قەلبى تېز ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر نەسىھەت كار قىلمىسا ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش ئارقىلىق بىدئەت ئەمىلىنى كۆزىگە سەت كۆرسەتكىلى بولسا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش تەكىتلەنگەن مۇستەھەبتۇر. ئۇنىڭ تەبىئىتىنىڭ قېتىپ، ئېتىقادى قەلبىگە مۇستەھكەم ئورۇنىشىپ كەتكەچكە نەسىھەت كار قىلمايدىغانلىقى بىلىنسە، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، بىدئەت تولۇق يامانلانمىسا، كىشىلەر ئارىسىدا. تارقىلىدۇ ۋە زىيىنى ھەممىگە يېتىدۇ

  1. ئۆز ئەقىدىسى بىلەن ئەمەس، ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغۇچىلار؛

،ئەگەر بۇنداق كىشى زۇلۇم قىلىش، غەزەپلىنىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش غەيۋەتخورلۇق، چېقىمچلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن باشقىلارغا ئەزىيەت بەرسە، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، ئارىلاشماسلىق ۋە ئالاقىنى ئۈزۈش ئاياللارنى بىر يەرگە يىغىپ سورۇن قۇرۇپ بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان- كېرەك. ئەر كىشىلەرگە مەي ئىچىش ئىمكانى يارىتىپ بەرگۈچىگە ئوخشاش پاساتچىلىققا چاقىرىدىغان كىشىنىڭ ھۆكمىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاسىي كىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش. بۇنداق كىشىنى پەس كۆرۈش، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى .ئۈزۈش ۋە ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەك

ھاراق ئىچىش، زىنا ياكى ئوغرىلىق قىلىش ۋەياكى ۋاجىب بىر ئىشنى تەرك )ئېتىش بىلەن ئۆزىگە پاسىق (يەنى پاسىقىلىقى ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىدىغان كىشىگە كەلسەك، ئۇنىڭ ئىشى يەڭگىلراقتۇر. لېكىن، ئۇ گۇناھ قىلىۋاتقان ھالىتىدە ئۇچراپ قالسا، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇنى شۇ گۇناھتىن توسۇش ۋاجىب. ئەگەر نەسىھەت ئۇنى گۇناھتىن قايتۇرىدىغان بولسا ۋە تېخىمۇ پايدىلىق. بولسا، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىنىدۇ. نەسىھەت كار قىلمىسا قاتتىق مۇئامىلە قىلىنىدۇ

دوستلۇققا تاللىنىدىغان كىشىدە بولۇشى شەرت سۈپەتلەر

بىزگە رىۋايەت قىلىندىكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىنسان »ئۆز دوستىنىڭ دىنىدىدۇر، شۇڭا كىشى دوستلاشقان كىشىسىگە قارىسۇن. دېگەن

بىلگىنكى، ھەممىلا ئادەم دوستلۇققا ياراۋەرمەيدۇ. دوست بولۇنغۇسى كىشى دوستلۇقىغا قىزىقتۇرىدىغان سۈپەت ۋە خىسلەتلەر بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى لازىم. سۈپەت ۋە خىسلەتلەر دوست بولۇشتىن كۆزلەنگەن پايدىلارغا قاراپ شەرت قىلىنىدۇ. دوستلۇقتىن كۆزلەنگەن پايدىلار دېگىنىمىز يا دۇنيا ۋە ئابرۇي تېپىش ياكى كۆرۈشۈۋېلىش، پاراڭلىشىش بىلەن دىلى يايراشتەك دۇنيالىق مەنپەئەتلەردۇر، بىزنىڭ تېمىمىز بۇ ئەمەس. يا بولمىسا دىنىي پايدا كۆزلەنگەن بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ تۈرلۈك مەقسەتلەر جەملەنگەن بولىدۇ. جۈملىدىن: ئىلىم ۋە ئەمەلىدىن پايدىلىنىش، دوستىنىڭ مەرتىۋىسى ئارقىلىق ئىبادەت قىلىشتىن توسىدىغان ۋە قەلبنى بىئارام قىلىدىغان ئەزىيەتتىن ساقلىنىش، دوستى بېرىدىغان مال بىلەن كۇپايىلىنىپ ۋاقتىنى ئوزۇق تەلەپ قىلىش بىلەن زايە قىلماسلىق ۋە مۇھىم خۇسۇسلاردا ئۇنىڭدىن ياردەم ئېلىش قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بۇ دوستلۇق ئۆزى ئۈچۈن مۇسىبەتلەردە ياردەمچى ۋە ھەرخىل ئەھۋاللار كۈچ بولىدۇ. ئاخىرەتتە شاپائەت قىلىشمۇ شۇ پايدىلار قاتارىدىندۇر. دەرۋەقە بەزى سەلەفلەر مۇنداق دېگەن: «قېرىندىشىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، چۈنكى ھەربىر مۇئمىننىڭ شاپائەت قىلىشى ھەقتۇر». بۇ پايدىلارنىڭ ھەربىرى پەقەت شۇنىڭ. بىلەنلا ھاسىل بولىدىغان شەرتلەرنى تەلەپ قىلىدۇ

يىغىنچاقلىغاندا، دوستلۇققا تاللىغان كىشىڭدە شۇ بەش خىسلەت بولسۇن:

ئەقىللىق ۋە ئەخلاقى گۈزەل بولسۇن، پاسىق، بىدئەتچى ۋە دۇنياغا ھېرىسمەن. بولمىسۇن، ئەقىل بىر بايلىقتۇر. ئەخمەق بىلەن يولداشلىقتا ياخشىلىق يوقتۇر. چۈنكى ئەخمەق ساڭا «مەنپەئەت بېرىمەن» دەپ زىيان سالىدۇ. ئەقىللىق كىشى دېگىنىمىز ئىشلارنى ئۆز ھەقىقىتىدە ئۆزى چۈشىنىدىغان ياكى چۈشەندۈرۈلسە چۈشىنىدىغان. كىشىدۇر، گۈزەل ئەخلاق چوقۇم بولۇشى كېرەك. چۈنكى، نۇرغۇن ئاقىللار باركى ، ھەۋىسىگە بېرىلىدۇ. شۇڭا- ئاچچىقى ياكى شەھۋىتىگە يېڭىلىپ ھاۋايى .ئەخلاقسىز كىشىنىڭ يولداشلىقىدا ياخشىلىق يوقتۇر

پاسىق كىشى ئاللاھتىن قورقمايدۇ. ئاللاھتىن قورقمايدىغان كىشىگە ئىشىنىپ. بولمايدۇ، سەۋەب بولغۇسى پالاكەتلەردىن ئەمىن بولغىلىمۇ بولمايدۇ

بىدئەتچى بىلەن يولداشلىقتا ئۇنىڭ بىدئەتىنىڭ يۇقۇشىدىن قورقۇلىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭگە راستچىل دوستلار تۇتقىن، شۇندىلا ئۇلارنىڭ ھىمايىسىدە ياشايسەن، چۈنكى راستچىل دوستلار مۇسىبەتتە تەييارلىقتۇر. ئۆزىدىن نەپرەتلەندۈرىدىغان- كەڭرىچىلىكتە زىننەت، بالا بىر ئىشنى قىلمىغۇچە، دوستۇڭنىڭ ئىشىنى ئەڭ گۈزەل ئورۇنغا قوي (ياخشى مەنادا ئويلا). دۈشمىنىڭدىن يىراق تۇرغىن! ئىشەنچىلىك بولمىسا، دوستۇڭ بولسىمۇ ئېھتىيات قىلغىن. ئاللاھتىن قورقمىسا ئىشەنچىلىك ھېسابلانمايدۇ. ھەرگىز . پۇجۇرلىرىنى ئۆگىنىسەن- پاسىققا يولداش بولما! ئۇنىڭ يولداشلىقىدا پىسقى ئۇنىڭغا سىرلىرىڭنى بىلدۈرمە، ئىشىڭدا ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشىلەرگە .»مەسلىھەت سالغىن

يەھيا ئىبنى مۇئاز — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «سەن ‹دۇئايىڭدا مېنى ياد ئەتكىن› دېيىشكە موھتاج بولىدىغان، سەن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ ياشايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆزرە ئېيتىشقا موھتاج بولىدىغان دوست »! ھە- نېمىدېگەن يامان دوست

ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— ھەسەن ئەلبەسرىي چېۋىلەردىن- يېنىغا بىر تۈركۈم كىشىلەر كىردى ۋە بەزىلىرى ئۆيدىكى مېۋە يېيىشكە باشلىدى، ھەسەن ئەلبەسرىي: «ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن، ئاللاھ. بىلەن قەسەمكى! مانا بۇ ھەقىقىي دوستلارنىڭ ئىشىدۇر» دېدى

ئەبۇ جەئفەر — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئۆز ھەمراھلىرىغا:

بىرەرسىڭلار قېرىندىشىنىڭ يېڭىغا (يانچۇقىغا) قولىنى تىقىپ خاھلىغان— : دېگەنىدى، ئۇلار— نەرسىنى ئالالامدۇ؟

— ياق، — دېدى. ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر:

دېدى — ئۇنداقتا سىلەر دەۋا قىلغاندەك دوست ئەمەسكەنسىلەر—

ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— رىۋايەت قىلىنىدۇكى، فەتىھ ئەلمۇسۇلىي . ئىيسا تەممار ئاتلىق بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە ئۇ يوق چاغدا كېلىپ قالدى— شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىيسانىڭ دېدىكىگە: «ماڭا دوستۇمنىڭ ھەميانىنى ئېلىپ چىقىڭ» دېدى. دېدەك قىز ھەمياننى ئەچىقىپ بەرگەنىدى، فەتىھ موسۇلىي ئۇنىڭدىن ئىككى تەڭگە ئالدى. كېيىن ئىيسا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، دېدەك

«24نۇر-61» ئايىتىگە ئىشارە.

قىز ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى ئېيتىپ بەرگەنىدى، ئىيسا: «ئەگەر ئېيتقىنىڭ راست بولسا، سېنى ئازاد قىلدىم» دېدى ۋە ھەميانغا قارىغانىدى ھەقىقەتەن دېدەكنىڭ. راست ئېيتقانلىقى ئايان بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز ئازاد بولدى

بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۈستىدىكى ھەقلىرى

بىرىنچى ھەق: مۇسۇلمان قېرىندىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئېھتىياجلىرىنى راۋا :قىلىش؛ بۇنىڭ ئۈچ دەرىجىسى بار

ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى: مۇسۇلمان قېرىندىشى بىرنەرسە سورىسا، دەرھال كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلىش. ئادا قىلغاندا خۇشاللىق بىلەن ۋە خۇشچىراي. ئادا قىلىش. ئوتتۇرا دەرىجىسى: قېرىندىشى سورىمىسىمۇ ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىش

ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى: مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى ئۆز ھاجىتىنىڭ 40 ئالدىغا قويۇش. بەزى سەلەفلەر ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىنىڭ بالىچاقىلىرىنى .يىل يوقلىغان ۋە ھاجەتلىرىنى راۋا قىلغانىدى

ئىككىنچى ھەق: مۆرىتى كەلسە سۈكۈت قىلىپ، مۆرىتى كەلسە سۆزلەش؛

سۈكۈت قىلىش: قېرىندىشى بار يەردە بولسۇن، يوق يەردە بولسۇن ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى تىلغا ئالماسلىق، قارشى گەپ قىلماسلىق، دەتالاش قىلماسلىق ۋە ئاشكارىلىنىشىنى خاھلىمايدىغان ئىشلار توغرۇلۇق سورىماسلىقتۇر. «ئەگەر دېگۈسى يوق بولسا تەڭلىك قىلماي» دېسە، ئۇچرىشىپ قالسا «قەيەرگە ماڭدىڭىز؟» دەپ سورىماسلىق، دوستلىرى ۋە ئائىلىسى ئالدىدا تەنقىدلىمەسلىك ھەمدە باشقىلارنىڭ قېرىندىشى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزمەسلىك، ھەتتا تاشلىشىپ. كەتكەن تەقدىردىمۇ قېرىندىشىنىڭ سىرىنى ساقلاش كېرەك

ئۈچىنچى ھەق: قېرىندىشى يامان كۆرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى تىلغا ئالماسلىق؛ لېكىن، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش بارىدا سۆزلەش ۋاجىب بولۇپ قېلىپ، سۈكۈت قىلىشقا شەرئىي رۇخسەت تېپىلمىسا، سۆزلەش كېرەك. چۈنكى، بۇنى قېرىندىشىنىڭ يۈزىگە ئېيتىش بىر مەنادا ئۇنىڭغا قىلىنغان. ياخشىلىقتۇر

نۇقساندىن پاك- ئوبدان بىلىۋالغىنكى، ئەگەر سەن ھەرقانداق ئەيىب كىشىنى ئىزدىسەڭ، ھەرگىز تاپالمايسەن. نىشان ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىدىن. كۆپ كىشىدۇر

ئىبنى مۇبارەك — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن قېرىندىشىغا ئۆزرە ئىزدەيدۇ، مۇناپىق بولسا قۇسۇر ئىزدەيدۇ».

فۇزەيل ئىبنى ئىياز — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — : «دوستلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىش ھەقىقىي يىگىتلىكتۇر» دېگەنىكەن

ھەرىكىتىنى- مۇسۇلمان قېرىندىشىڭغا گۇمان بىلەن قارىما، ئۇنىڭ ئىش :ئىمكانقەدەر ياخشىلىققا جورۇغىن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ھەرگىز يامان گۇمان قىلىپ قالماڭلار، چۈنكى يامان گۇمان سۆزنىڭ ئەڭ يالغىنىدۇر» دېگەن

قۇسۇر ئىزدەشكە— بىلگىنكى، گۇمانخورلۇق شەرىئەت چەكلىگەن ئىش. ئېلىپ بارىدۇ. ئەيىبنى يېپىش ۋە بىلمىگەن بولۇۋېلىش دىندار كىشىنىڭ خۇيىدۇر

بىلگىنكى، كىشى ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمانى مۇكەممەل بولمايدۇ. مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئۆزىگە راۋا. كۆرمەيدىغان شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش قېرىنداشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر شۈبھىسىزكى، سەن قېرىندىشىڭنىڭ ئەيىبىڭنى يېپىشىنى، خاتالىقلىرىڭنى سۆزلىمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىسەن، ئەگەر قېرىندىشىڭ ئارزۇيۇڭنىڭ ئەكسىنى قىلسا، ساڭا بەك قاتتىق ئەلەم بولىدۇ. شۇڭا، ئۆزۈڭ قېرىندىشىڭغا راۋا كۆرمىگەننى قېرىندىشىڭدىن قانداقمۇ ئارزۇ قىلالايسەن؟! ئۆزۈڭ كەڭ قورساقلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپ، باشقىلاردىن ئىنساپ تەلەپ قىلساڭ، ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ» «83مۇتەففىفىن-2-3» دېگەن سۆزىگە چۈشۈپ قالىسەن. ئەيىبلەرنى يېپىشتا يېتەرسىز كېلىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇلارنى ئېچىشقا قىزىقتۇرغۇچى ئامىل ئاداۋەت ۋە ھەسەتتۇر.

قېرىنداشلار ئارىسىدا ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىكنى قوزغايدىغان ئەڭ ئېغىر سەۋەب تارتىش قىلىشتۇر. ئارتۇقچىلىقى ۋە زىيادە زېرەكلىكى- جېدەللىشىش ۋە تالاش كۆز قىلىش ۋە رەددىيە- سەۋەبلىك باشقىلاردىن ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى كۆز تارتىشقا سەۋەب بولىدۇ. قېرىندىشى بىلەن- بېرىلگۈچىنى تۆۋەن كۆرۈش تالاش تارتىش قىلغان كىشى قېرىندىشىنى بىلىمسىزلىك ۋە ئەخمەقلىق ياكى- تالاش. غاپىل ۋە ئەقلى كوتىلىق بىلەن چۈشۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەن كۆرۈشتۇر بۇ ئىشلار كۆڭۈلنى ئۆچمەنلىك بىلەن تولدۇرىدۇ ۋە دۈشمەنلىشىشكە سەۋەب

بولىدۇ. بۇ ھەم قېرىنداشلىققا زىتتۇر.

تۆتىنچى ھەق: ئاغزاكى ھەق؛ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق قېرىندىشى يامان كۆرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى تىلغا ئالماسلىقنى تەقەززا قىلغاندەك، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەشنىمۇ تەقەززا قىلىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ كېرەكلىك. چۈنكى سۈكۈت بىلەن كۇپايىلەنگەن كىشى قەبرە ئەھلىگە ھەمراھ، بولغانغا ئوخشايدۇ. دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقتىن مۇراد ئۇلاردىن قۇتۇلۇش ئەمەس. بەلكى ئۇلاردىن پايدىلىنىشتۇر. سۈكۈت قىلىشنىڭ مەنىسى ئەزىيەتتىن ساقلىنىشتۇر - ئۇنداقتا تىلى بىلەن بولسىمۇ قېرىندىشىغا دوستلۇق ئىزھار قىلىش، ھال ئەھۋالل خەۋەر ئېلىش، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتنى سوراش، دەردىگە .ھەمدەردلىك ۋە خۇشاللىقىغا ھەمخۇشلالىق ئىزھار قىلىش كېرەك

تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىرىڭلار قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭغا ياخشى .كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن» دېگەن

شۇنداقلا قېرىندىشىنى ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسمى بىلەن چاقىرىشمۇ :ئاغزاكى ھەقلەردىندۇر. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن ،«مۇنۇ ئۈچ خىسلەت قېرىندىشىڭ بىلەن بولغان دوستلۇقىڭلارنى ساپلاشتۇرىدۇ ئۇلار: 1 قېرىندىشىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئاۋۋال سالام بېرىشىڭ؛ 2 ئولتۇرىدىغان ئورۇننى كەڭرى قىلىپ بېرىشىڭ؛ 3 ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىملىرى بىلەن.»چاقىرىشىڭدۇر

شۇنداقلا قېرىنداشلىق ھەقلىرىدىن يەنە: بىر كىشىنىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمان قېرىندىشى ماختىلىشنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزى بىلىدىغان گۈزەل خۇلقلىرى بىلەن ئۇ قېرىندىشىنى ماختاش؛ شۇنىڭدەك قېرىندىشىنىڭ ، ئەتىۋارىنى ھەمدە ئەخلاقى، ئەقلى، تۇرقى، نىشانى- بالىۋاقىسىنى، پېئىل قەلىمى، ئەسەرلىرى، قىسقىسى ئۇنى خۇشال قىلىدىغان بارلىق جەھەتلەرنى ئاشۇرۇۋەتمەي، يالغان قوشماي ماختاش؛ ھەتتا ئۇنى بىراۋ ماختىغان بولسا شۇنى، ئۆزىنىڭمۇ شۇ ماختاشتىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئىزھار قىلغان ھالدا قېرىندىشىغا يەتكۈزۈش. چۈنكى، بۇنى قېرىندىشىغا يەتكۈزمەسلىك ئىچى .تارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر

ئۇ ھەقلەردىن يەنە بىرى قېرىندىشىڭنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا رەھمەت ئېيتىشىڭدۇر. ئۇ يوق يەردە ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق مەقسەت قىلىنسا، ئۇنى قوغدىشىڭ كېرەك. چۈنكى، قېرىنداشلىقنىڭ ھەققى ھىمايە قىلىش ۋە ياردەم. بېرىش ئۈچۈن يەڭلەرنى تۈرۈشتۇر

باشقا بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ئۇنى دۈشمىنىگە تاشلاپ قويمايدۇ» دېگەن

ئابرۇيىنى قوغداشتا- بىر مۇسۇلماننىڭ باشقا بىر مۇسۇلمان قېرىندىشنىڭ يۈز بىپەرۋالىق قىلىشى ئۇنى دۈشمىنىگە تاشلاپ قويغىندۇر. بۇ ھەقتە سەن ئۈچۈن :ئىككى ئۆلچەم بار

  1. ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتىلغانلارنى ئويلاپ كۆرۈشۈڭ؛ يەنى، شۇ گەپلەر ئۇ قېرىندىشىڭ بار يەردە سېنىڭ ھەققىڭدە ئېيتىلغان بولسا ئۇنىڭ نېمە دېيىشىنى كۈتكەن بولاتتىڭ؟

  2. قېرىندىشىڭنى خۇددى تامنىڭ كەينىدە سېنىڭ دەۋاتقانلىرىڭنى تىڭشاپ تۇرغاندەك پەرەز قىلىشىڭ! يەنى، سېنىڭ قەلبىڭدە قېرىندىشىڭ بار يەردە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قايسى تۇيغۇلار ھەرىكەتلەنگەن بولسا، شۇ تۇيغۇلار ئۇ يوق يەردىمۇ ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقتا سەمىمىي. بولمىغان كىشى مۇناپىقتۇر، ئۇ ھەقلەردىن يەنە بىرى ئىلىم ئۆگىتىش ۋە نەسىھەت قىلىشتۇر. چۈنكى قېرىندىشىڭنىڭ ئىلىمگە بولغان ھاجىتى سېنىڭ مالغا بولغان ھاجىتىڭدىن ئاز ئەمەس. شۇڭا سەن ئىلىم جەھەتتە باي بولغان ھامان بۇ ئىلىمنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىشىڭ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق ھەرقانداق تېمىدا ئۇنىڭغا توغرا. يولنى كۆرسىتىپ تۇرغىن

قېرىندىشىڭغا نەسىھەت قىلساڭ، مەخپىي قىلغىن. ئەيىبلەش بىلەن نەسىھەت ئارىسىدىكى پەرق بىرىنىڭ ئاشكارا، يەنە بىرىنىڭ مەخپىي قىلىنىشىدۇر. دەرۋەقە مادارا بىلەن خۇشامەت ئارىسىدىكى پەرق كۆرمەسكە سېلىشقا ئېلىپ بارغان سەۋەبكە باغلىقتۇر. يەنى ئەگەر سەن مەلۇم بىر ئىشقا دىنىڭنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن كۆز يۇمساڭ ۋە بۇنى قېرىندىشىڭنىڭ پايدىسىغا دەپ قارىساڭ، ماداراچى ھەۋەسلىرىڭنى قاندۇرۇش ۋە- بولىسەن. ئەگەر نەپسىڭنى تويغۇزۇش، ھاۋايى

، ئابرۇيىڭنى / مەۋجۇد ئورنىڭنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆز يۇمغان بولساڭ- يۈز. سەن بىر خۇشامەتگۇي بولىسەن

خاتالىقلارنى كەچۈرۈۋېتىشمۇ بۇ ھەقلەر قاتارىدىندۇر. ئەگەر قېرىندىشىڭ دىنىي جەھەتتىن خاتالاشقان بولسا، ئۇنىڭغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىلىق . نەسىھەتنى توختىتىپ قويمىغىن- نەسىھەت قىلغىن. خاتالىقىدىن توسۇش ۋە ۋەز. ئەگەر قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقەنى ئۈزگىن

بەشىنچى ھەق: قېرىندىشى ھايات ۋاقتىدىمۇ، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزى ئۈچۈن قانداق دۇئا قىلغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دۇئا قىلىش؛

،«سەھىھۇ مۇسلىم»دە ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆز دىن قېرىندىشىنىڭ غىيابىدا قىلغان دۇئاسى مۇستەجاب دۇئادۇر. ئۇنىڭ بېشى ئەتراپىدا دۇئاغا مۇئەككەل بىر پەرىشتە بار. مۇسۇلمان ئۆز دىن قېرىندىشىغا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلسا، مۇئەككەل پەرىشتە: ‹ئامىن، ساڭىمۇ ئوخشىشى .»بولسۇن!› دەيدۇ

ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نۇرغۇن دوستلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت— ئاتاپ تۇرۇپ دۇئا قىلاتتى. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل . سەھەر ۋاقتىدا ئالتە كىشىگە دۇئا قىلاتتى— قىلسۇن

مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بەندە ئۆلۈپكەلسەك، ئەمر ئىبنى ھۇرەيس كەتكەن دىن قېرىندىشىغا دۇئا قىلسا، ئۇ دۇئانى بىر پەرىشتە ئۇنىڭ قەبرىسىگە ئېلىپ كېلىپ: ‹ئى قەبرىنىڭ غېرىب ئىگىسى! بۇ بولسا شەپقەتلىك بىر دوستتىن.»ساڭا ھەدىيەدۇر› دەيدۇ

ئالتىنچى ھەق: ۋاپا ۋە ئىخلاس؛

ۋاپا: تا ئۆلگۈچە دىن قېرىندىشىنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈش، قېرىندىشى . چاقا ۋە دوستلىرى بىلەن يېقىن ئۆتۈش- ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ بالا

بۇ بەزى ساھابەلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، يەنە بەزى ساھابەلەر: «ئۇنى تاشلىۋەتمەسلىك

كېرەك، چۈنكى ئۇ بىر خاتالىشىپ، بىر تۈزىلىپ قالىدۇ» دەپ قارىغان. قاراڭ: غەززالىي:

-90 ،»باشقا مەنبەلەردە «ئەمر ئىبنى جەرىر» دېيىلگەن. قاراڭ: ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئەررۇھ

. بەت- 297 ،»بەت. سۇيۇتىي: «شەرھۇسسۇدۇر

:پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ياشانغان ئايالنى ئىززەتلەيتتى ۋە «خەدىچە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) ھايات ۋاقتىدا ئۇ ئايال بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ. كېتەتتى، گۈزەل ۋاپا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەنىدى

ئورۇن / مەرتىۋىسى ھەرقانچە يۇقىرىلاپ، ئىگىلىك / تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ ئابرۇيى كۆتۈرۈلۈپ كەتسىمۇ، دوستىغا قارىتا ئىزچىل كەمتەر بولۇش- ۋە يۈز. ۋاپانىڭ جۈملىسىدىندۇر

بىلگىنكى، دىنغا زىت ئىشلاردا قېرىندىشىنى قوللاش ئەسلا ۋاپانىڭ — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— جۈملىسىدىن ئەمەس. ئىمام شافىئىي مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلھەكەم بىلەن قېرىنداش ئىدى، ئۇنى ئۆزىگە يېقىن ئولتۇرغۇزاتتى ۋە ئۇنىڭغا مايىل ئىدى. ئىمام شافىئىيدا ئۆلۈم ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ئۇنىڭغا: «ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! سىز ۋاپات تاپقاندىن كېيىن، كىمنىڭ مەجلىسىگە بارايلى؟» دەپ سورلادى، شۇندا ئىمام شافىئىينىڭ يېنىدا ئولتۇرغان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلھەكەم ئىمام ئۆزىنى ئىشارەت قىلىپ قالارمىكىن دېگەن مەقسەتتە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى، لېكىن ئىمام شافىئىي جاۋاب بېرىپ: «ئەبۇ يەئقۇب بۇۋەيتىينىڭ يېنىغا بېرىڭلار» دېدى، بۇ گەپتىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلھەكەم بىئارام بولدى، چۈنكى ئۇ ئىمام شافىئىينىڭ مەزھىبىنى ياخشى ئۆگەنگەن كىشى ئىدى، لېكىن ئەبۇ يەئقۇب بۇۋەيتىي زاھىدلىق ۋە تەقۋادارلىققا يېقىن كىشى ئىدى، شۇڭا ئىمام شافىئىي مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولدى ۋە تەخسىكەشلىكتىن قاچتى. كېيىن مۇھەممەد ئىبنى ھەكەم ئىمام شافىئىينىڭ. مەزھىبىدىن قايتىپ، مالىكىيلەردىن بولۇپ كەتكەن ئىدى

چۆچەكلىرىگە قۇلاق سالماسلىق ۋە- كىشىلەرنىڭ دوستى ھەققىدىكى سۆز. دوستىنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوست بولماسلىق ۋاپانىڭ جۈملىسىدىندۇر

، قېرىندىشىغا ئېغىرچىلىق سالماسلىق / يەڭگىللەشتۈرۈش:يەتتىنچى ھەق (ياسالما تەكەللۇپ) ۋە مۇشەققەت سېلىشنى تاشلاش. يەنى، قېرىندىشىغا تەس كېلىدىغان ئىشنى يۈكلىمەسلىك، ھەتتا ئۆزىنىڭ مۇھىم قىيىنچىلىق ۋە ھاجەتلىرىنى ئابرۇيى ۋە مېلىدىن- يوشۇرۇش، ئۇنى بىئارام قىلماسلىق، ئۇنىڭ يۈز، پايدىلانماسلىق، ئۇنى ئۆزىنى يوقلاپ تۇرۇشقا ۋە ھەقلىرىنى ئادا قىلىشقا شۇنداقلا ئۆزىگە كەمتەر بولۇشقا قىستىماسلىق. ئەكسىچە مەقسەت دىن قېرىندىشىنى ،ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن بەرىكەتلىنىش

ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ ئۈلپەتلىشىش، دىنىدا ياردەم سوراش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى كۆزلەش بولۇشى كېرەك. چىن مەنادا يەڭگىللەشتۈرۈش دېگەن ئۆزى بىمالال قىلالايدىغان نەرسىلەرنى قېرىندىشىنىڭمۇ خىجىل بولماي قىلالىشى ئۈچۈن، خىجالەت. پەردىسىنى كۆتۈرۈش بىلەن بولىدۇ

جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: مۇشەققەت- «دوستلىرىمدىن ماڭا ئەڭ مالال كېلىدىغىنى مەن ئۈچۈن جاپا چەككەن ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۆزىدىن تارتىنىدىغان دوستلىرىمدۇر. قەلبىمگە ئەڭ يەڭگىل كېلىدىغىنى بولسا مەن بىرگە دەرقەمتە بولغاندا، ئۆزۈم يالغۇزدەك ھېس.»قىلىدىغان دوستلىرىمدۇر

ھېكمەت ئەھلىدىن بىرى مۇنداق دېگەن: «كەمتەر كىشىنىڭ دوستلۇقى داۋاملىشىدۇ، ئۆزۈڭنى دوستلىرىڭدىن پەزىلەتلىك ئەمەس، بەلكى دوستلىرىڭنى ئۆزۈڭدىن پەزىلەتلىك كۆرۈش بۇ ئىشنى تاماملايدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار بىلەن بىللە .»بولغىنىڭدا ئۆزۈڭنى خىزمەتچىدەك كۆرگىن

خەلق بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى بۇ بابنىڭ ئاخىرىدا خەلق بىلەن ئالاقە قىلىش ئەدەبلىرىنى بايان قىلىمىز كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەدەبلەردىن بەزىلەر :تۆۋەندىكىچە.

،مۇتەكەببۇر ئەمەس كەمتەر بولۇش، بىشەم ئەمەس كىچىك پېئىل بولۇش دوست ياكى دۈشمەن، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بوزەك بولماي ۋە ھۇدۇقماي خۇشچىراي كۈتۈۋېلىش، سورۇندا ئولتۇرغاندا بارماقلارنى گىرەلەشتۈرۈش، بۇرۇننى .)كولاش، كۆپ تۈكۈرۈش ۋە ئەسنەشتىن ساقلىنىش (ۋە باشقىلار

بىراۋ سۆزلەۋاتقاندا قۇلاق سال، سۆزىنى قايتىلاپ سورىما؛ ئۆزۈڭ، بالىچاقاڭ، ۋە خىزمەتكارلىرىڭ بىلەن ماختىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمە؛ ئايال كىشىدەك ياسانما قۇلدەك ئاۋارە كىينمە؛ ئەھلى ئائىلەڭنى قوپلالىق قىلماي قورقۇت، ئاجىز - كۆرۈنمەي يۇمشاق بول؛ دېدەك ۋە قۇللىرىڭ بىلەن چاقچاقلاشمىغىنكى، سۈر. ھەيۋەڭ يوقىمىسۇن. كەينىڭگىمۇ تولا قارىما

شاھ / سۇلتان بىلەن بىرگە ئولتۇرما، ئەگەر ئولتۇرۇپ قالساڭ گۇناھلاردىن ۋە غەيۋەتتىن ساقلان؛ ئۇنىڭ سىرىنى ساقال؛ ئۇنىڭ قېشىدا چاقچاقلاشما، كېكىرمە ۋە چىشڭنى كولىما؛ سۇلتان سېنى يېنىغا چاقىرسا / ئۆزىگە يېقىن تۇتسا، قاتتىق

، تاشقويۇن بولۇپ كەتسىمۇ- ئېھتىياتچان بول؛ ئەگەر سەن بىلەن ئىچقويۇن ئۇنىڭ ھېچقاچان ئۆزگەرمەسلىكىدىن خاتىرجەم بولما؛ سۇلتاننىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان سۆزلەرنى قىل، كىچىك بالىغا قانداق مۇلايىم بولساڭ، سۇلتانغىمۇ شۇنداق مۇلايىم بول؛ سۇلتان بىلەن ئائىلىسى ۋە خىزمەتچىلىرى ئارىسىغا كىرمە؛ نومۇسۇڭدىن قىممەتلىك كۆرمە؛ بىر- ياخشى كۈن دوستىدىن قاچ. مېلىڭنى ئار سورۇنغا كىرسەڭ، كەمتەر بولۇپ ئەڭ يېقىن ئورۇندا ئولتۇر؛ يول ياقىسىدا ئولتۇرما، ئەگەر ئولتۇرۇپ قالساڭ، كۆزۈڭنى ھارامدىن ساقال؛ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بەر؛ يولدا ئېزىپ قالغان كىشىگە يولىنى كۆرسىتىپ قوي؛ قىبلە تەرەپكە ۋە ئوڭ تەرىپىڭگە تۈكۈرمە، سول تەرىپىڭگە ياكى سول پۇتۇڭنىڭ ئاستىغا تۈكۈر؛ ئاۋام خەلق بىلەن ئولتۇرۇشتىن ساقلان، ئەگەر ئولتۇرۇپ قالساڭ، ئۇلارنىڭ ناچار خۇيلىرى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن يامان قىلىقلىرىنى بىلمەسكە سال، ئۇلارنىڭ چاقچاقتىن ساقلان، چۈنكى چاقچىقىڭ- پارىڭىغا كىرىپ كەتمە؛ كۆپ ھەزل سەۋەبلىك ئاقىل ساڭا ئاداۋەت تۇتىدۇ، نادان بولسا چاقچىقىڭ سەۋەبلىك. سەندىن ئەيمەنمەيدۇ

مۇسۇلمانلارنىڭ، تۇغقانلارنىڭ، قوشنىدارچىلىقنىڭ ۋە قۇللارنىڭ ھەقلىرى

مۇسۇلماننىڭ ھەقلىرىدىن بەزىلەر تۆۋەندىكىچە:

❊ ئۇچراشقاندا سالام بېرىش؛ چىللىسا ئىجابەت قىلىش؛ چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇلىللاھ (ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن) دېسە، يەرھەمۇكەللاھ (ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن) دېيىش؛ كېسەل بولسا يوقلاش؛ ئۆلسە جىنازىسىغا قاتنىشىش؛ ،ئىچكەن قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش؛ نەسىھەت تەلەپ قىلسا نەسىھەت قىلىش؛ يوق يېرىدە ھەققىنى قوغداش؛ ئۆزىگە راۋا كۆرگەننى .قېرىندىشىغىمۇ راۋا كۆرۈش ۋە ئۆزىگە يامان كۆرگەننى ئۇنىڭغىمۇ يامان كۆرۈش. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەدىسلەردە نەقىل قىلىنغان

رىۋايىتى. باشقا بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى بەشتۇر: 1) سالامنى قايتۇرۇش، 2) كېسەلنى يوقلاش، 3) جىنازىلەرگە ئەگىشىش، 4) چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە 5) چۈشكۈرگۈچىگە جاۋاب قايتۇرۇش (يەنى چۈشكۈرۈپ ‹ئەلھەمدۇلىللاھ› دېسە، ‹يەرھەمۇكەللاھ› دېيىش)» دېگەن. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى ئالتىدۇر… 6) سەندىن سەمىمىي مەسلىھەت سورىسا، سەمىمىي مەسلىھەت بېرىشىڭ» دەپ زىيادە كەلگەن.

يەنە بىر ھەدىستە: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى ئالتىدۇر… ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرىدۇ» دېيىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «… ئۆزۈڭگە ياخشى كۆرگەننى باشقىلارغىمۇ ياخشى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۆزۈڭگە يامان كۆرگەننى باشقىلارغىمۇ يامان كۆرۈشۈڭدۇر» دېيىلگەن.

يەنە بىر بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىستە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى يەتتە ئىشقا بۇيرۇدى… زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بېرىش، قەسەمنى بۇزدۇرماسلىق» دېگەن.

باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ئۆزئارا ئۆچەكەشمەڭلار! ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار! ئۆزئارا تەتۈر قاراشماڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار. مۇسۇلمان ئۈچۈن قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال بولمايدۇ.»

❊ ھېچبىر مۇسۇلمانغا سۆز ياكى ھەرىكەت بىلەن ئەزىيەت بەرمەسلىك؛ مۇسۇلمانلارغا كەمتەر بولۇش، چوڭچىلىق قىلماسلىق، بەزى كىشىلەرنىڭ بەزى كىشىلەر ھەققىدە قىلغان سۆز-چۆچەكلىرىگە قۇلاق سالماسلىق ۋە بەزىلەردىن ئاڭلىغاننى بەزىلەرگە توشۇماسلىق؛

❊ تونۇش كىشىگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتماسلىق؛ بۇ توغرىدا مەشھۇر بىر ھەدىس بار. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان باشقا بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇئمىننىڭ باشقا بىر مۇئمىننى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ تاشلىۋېتىشى ھالال ئەمەس، ئۈچ كۈن ئۆتسە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسۇن، ئۇنىڭغا سالام قىلسۇن. ناۋادا سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ جاۋاب قايتۇرسا، ئەجرىنى ھەر ئىككىيلەن تەڭ ئالىدۇ. سالامغا جاۋاب قايتۇرمىسا، گۇناھ ئۆزىگە بولىدۇ، سالام قىلغۇچى تاشلىۋېتىشنى ئاياغلاشتۇرغان ھېسابلىنىدۇ.»

بىلگىنكى، ئۈچلا كۈنلۈك ئاداۋەت دۇنيا ئىشلىرىدا بولىدۇ. دىنغا ئالاقىدار ئىشلاردا بىدئەتچى، ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگەشكۈچى ۋە مەئسىيەتگۇيلارغا قارىتا ئەگەر تەۋبە قىلغانلىقى ۋە ھەقكە قايتقانلىقى ئاشكارا بولمىسا، ئاداۋەت تۇتۇش داۋاملىشىۋېرىدۇ.

❊ مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق قىلغان ھەرقانداق كىشىگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشىلىق قىلىش، ھېچكىمنىڭ يېنىغا رۇخسىتىسىز كىرمەسلىك، ئۈچ قېتىم رۇخسەت سوراش ۋە ئەگەر رۇخسەت قىلمىسا قايتىپ كېتىش؛

❊ كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلىش؛ يەنى ھەركىمگە ئۆزىگە يارىشا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. چۈنكى، جاھىلغا ئىلىم بىلەن، بىپەرۋاغا فىقىھ بىلەن، دۆت ۋە نادانغا پاساھەت ۋە بالاغەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھەم ئۆزىگە، ھەم ئۆزگىگە ئەزىيەتتۇر.

❊ چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش؛ ھەممە كىشىگە خۇشچىراي ۋە ئەدەبلىك بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، شەپقەتلىك بولۇش ۋە ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىشنى ياخشى كۆرسە، باشقىلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىش.

ھەسەن ئەلبەسرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا تۆرت سۆزنى ۋەھيى قىلدى ۋە دېدىكى: ھەممە نەرسە مۇشۇ تۆرت سۆزگە جەملەنگەندۇر. بىرى ماڭا خاس، بىرى ساڭا خاس، بىرى مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا ئورتاق، بىرى سەن بىلەن بەندىلەر ئارىسىدا ئورتاقتۇر. ماڭا خاس بولغىنى: ماڭا ھېچنېمىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلىشىڭدۇر؛ ساڭا خاس بولغىنى: قىلغان ئەمەللىرىڭگە قارىتا ئەڭ موھتاج بولغان چېغىڭدا ساڭا مۇكاپات بېرىشىمدۇر؛ مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا ئورتاق بولغىنى: سەندىن تىلەش، مەندىن ئىجابەت قىلىشتۇر؛ سەن بىلەن باشقا بەندىلەر ئارىسىدا ئورتاق بولغىنى: ئۆزۈڭگە نېمىنى ياخشى كۆرسەڭ، كىشىلەرگىمۇ شۇنى ياخشى كۆرۈشۈڭدۇر.»

❊ كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى گۇماندىن، تىللىرىنى غەيۋەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۆھمەتكە ئېھتىمال قالدۇرىدىغان ئورۇنلاردىن ساقلىنىش؛

❊ گېپى ئۆتىدىغان، مەرتىۋىلىك مۇسۇلمانلار سايىسىدە ھەر ھاجەتمەن مۇسۇلمانغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشقا تىرىشىش؛

❊ ھەرقانداق مۇسۇلمان كىشىگە گەپ قىلىشتىن بۇرۇن سالام قىلىش؛ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش سۈننەتتۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىككى مۇسۇلمان ئۇچراشسا-يۇ، بىرى يەنە بىرىنىڭ قولىنى تۇتسا، ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا ھازىر بولۇش ۋە ئىككىسىنىڭ قوللىرىنى ئۇلارنى كەچۈرۈۋەتمىگۈچە ئايرىۋەتمەسلىك ئاللاھ تائالانىڭ ئۈستىگە بىر ھەقتۇر.»

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن مۇئمىن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، ئىككىسىگە يۈز رەھمەت چۈشىدۇ، توقسان توققۇزى ئىككىسىدىن ئەڭ خۇشچىراي ۋە ئەخلاقى ئەڭ گۈزىلىگە بولىدۇ.»

❊ ئۆلىمالارنى چوڭ كۆرۈپ قولىنى سۆيسە ۋە قۇچاقلاپ كۆرۈشسە ھېچقىسى يوق؛ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇلاغقا مىنىشتە ئۈزەڭگىسىنى تۇتۇپ بېرىشى ئالىملارنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئەڭ نەمۇنىلىك ئۈلگىسىدۇر. پەزىلەت ئەھلىگە ھۆرمەت يۈزىدىن ئورنىدىن تۇرۇش گۈزەل.. ئەمما، ئۇلارغا ئېگىلىش چەكلىنىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئۇلار (ئەسھابى كىرام) ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنى كۆرۈشتىنمۇ سۆيۈملۈك ئىش يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ زاتنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇ زاتنى كۆرگەندە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشمايتتى.»

❊ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى، نەپسىنى ۋە مېلىنى باشقىلارنىڭ زۇلمىدىن قوغداش، قېرىندىشى ئۈچۈن كۈرىشىش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش؛

❊ يامانلىق قىلىدىغان كىشى بىلەن سىنالسا، ئۇنىڭغا چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىش ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش؛ بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ھەدىس كەلگەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، «بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشكە ئىجازەت ئالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى كۆرگەن چېغىدا: ‹بۇ قەبىلىنىڭ ماۋۇ ئادىمى نېمىدېگەن ئوسال! بۇ قەبىلىنىڭ ماۋۇ ئوغلى نېمىدېگەن ئوسال!› دېدى. ئۇ ئادەم كىرىپ ئولتۇرغان چاغدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئوچۇق چىراي كۈتۈۋېلىپ قىزغىن پاراڭلاشتى. مەن: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! ھېلىلا بۇ گەپلەرنى دېگەن تۇرۇقلۇق يەنە ئوچۇق چىراي مۇئامىلە قىلدىڭىزغۇ؟› دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ: ‹ئى ئائىشە! قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ يامان ئورۇندا تۇرىدىغان كىشى — كىشىلەر ئۇنىڭ يامانلىقى ۋە بۇرۇقتۇرمىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يىراقلاشقان كىشىدۇر› دەپ جاۋاب بەردى.»

مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىر چىقىش يولى ئاتا قىلمىغۇچە، مەجبۇرەن ئارىلىشىپ ئۆتۈلىدىغان بىر يامان كىشى بىلەن.»ياخشىلىقچە ئارىلىشىپ ئۆتمىگەن كىشى ئاقىل ھېسابلانمايدۇ بايلار بىلەن ئارىلىشىشتىن ساقلىنىش، مىسكىنلەر بىلەن ئارىلىشىش ۋە❊ يېتىملەرگە ياخشىلىق قىلىش؛ كېسەللەرنى يوقلاش؛❊

كېسەل يوقلىغۇچىنىڭ ئەدەبلىرى بولسا قولىنى كېسەلگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ ،«كېسىلىڭىز قانداقراق؟» دەپ سوراش، كېسەلنىڭ يېنىدا ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق ئەدەبلىك / يۇمشاق بولۇش، كېسەلنىڭ ساقىيىشغا دۇئا قىلىش ۋە ئەۋرەت جايلارغا. قارىماسلىق

ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىش كېسەل، كىشى ئۈچۈن مۇستەھەبتۇر: ئوسمان ئىبنى ئەبىلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇسۇلمان بولغاندىن تارتىپ ئۆز تېنىدە ھېس قىلىدىغان بىر ئاغرىقنى شىكايەت قىلغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «قولۇڭنى ئاغرىيدىغان يېرىڭگە قويغىن ۋە ئۈچ قېتىم َِأَ�عُوُذُ ااِب�ال ِهَّل� ِ َوَُقُْدَْرَ�تِِه‹ ‹بىسمىللاھ (ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن)› دېگىن! يەتتە قېتىم / ئاللاھنىڭ غالىبلىقى ۋە قۇدرىتىگە سىغىنىپ مەن دەردىنىُ�م ِْنْ ِّرَش�� á ِ �م َا َأَِجُِدُ َوَُأَُحَاِذُِر »تارتىۋاتقان ۋە ئەنسىرەۋاتقان كېسەللىكنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ سورايمەن› دېگىن. دېدى

كېسەل كىشىنىڭ ئەدەبلىرى بولسا: چىرايلىق رەۋىشتە سەبر قىلىش، پەرياد❊ زارنى ئاز، دۇئانى كۆپ قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا- ۋە نلاە .تاپشۇرۇش قاتارلىقلاردۇر

كۆرۈشتى. ئۇ ئادەم كەتكەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

يا رەسۇلەللاھ! ئۇ ئادەمنى كۆرگەن چاغلىرىدا مۇنداق، مۇنداق دېۋىدىلە، كېيىن ئۇنى ئوچۇق— : دەپ سورىسا، رەسۇلۇللاھ— !چىراي كۈتۈۋېلىپ قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتتىلىغۇ؟ ئى ئائىشە! مېنى قاچان بەدئەخلاق كۆرۈپ باققان ئىدىڭىز؟ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا— ئەڭ يامان ھالغا قالىدىغان ئادەم ئوساللىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىشىلەر نېرى تۇرغان.» دېدى— ئادەمدۇر

ئۆلسە جىنازىلىرىنى ئۇزىتىش ۋە قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىش. جىنازىلارنى❊ .ئۇزىتىشتىن مەقسەت: مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ۋە ئىبرەت ئېلىشتۇر

مۇنداق دېگەن: «بىز— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— ئەئمەش جىنازىلارغا قاتنىشاتتۇق ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى قايغۇغا چۆككەنلىكتىن قايسىبىرىنىڭ جىنازە ئىگىسى ئىكەنلىكىنى تېپىپ تەسەللى بېرىش قىيىن.»بولاتتى

قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن مەقسەت: دۇئا قىلىش، ئىبرەت ئېلىش ۋە .قەلبنى يۇمشىتىشتۇر

جىنازىنى ئۇزىتىش ئەدەبلىرى بولسا: ياياق مېڭىش، دائىما خۇشۇ‍ئ‍ ئىچىدە بولۇش، جىم مېڭىش، مېيىت ھەققىدە ئويلىنىش، ئۆلۈمنى ئەسلەش ۋە ئۆلۈمگە .تەييارلىق قىلىش قاتارلىقلار

قوشىنىنىڭ ھەقلىرى

بىلگىنكى، قوشنىدارچىلىقنىڭ ئىسلامىي قېرىنداشلىقتىن ئارتۇق يەنە بىر ھەققى بولىدۇ. شۇڭا، قوشنا ھەرقانداق بىر مۇسۇلماندىن زىيادىرەك ھەقكە ئىگىدۇر. ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۈچ تۈرلۈك قوشنا بار: بىرىنچى تۈرلۈك قوشنىنىڭ بىر ھەققى، ئىككىنچى تۈرلۈك قوشنىنىڭ ئىككى ھەققى، ئۈچىنچى .تۈرلۈك قوشنىنىڭ ئۈچ ھەققى باردۇر

ئۈچ ھەققى بار قوشنا: ھەم تۇغقان، ھەم مۇسۇلمان قوشنا بولۇپ، ئۇنىڭ دىنداشلىق ۋە تۇغقانچىلىق ھەققىدىن باشقا قوشنىدارچىلىق ھەققى بولىدۇ؛

ئىككى ھەققى بار قوشنا بولسا، مۇسۇلمان قوشنا بولۇپ، ئۇنىڭ دىنداشلىق ھەققى بىلەن بىرگە قوشنىدارچىلىق ھەققى بولىدۇ؛

.»بىرلا ھەققى بار قوشنا بولسا مۇشرىك قوشنىدۇر

بىلگىنكى، قوشنىدارچىلىقنىڭ ھەققى پەقەت قوشنىسىغا ئەزىيەت بېرىشتىن توختاشلا ئەمەس، بەلكى قوشنىنىڭ ئەزىيەتلىرىنى كۆتۈرۈش، مۇلايىم بولۇش ۋە ياخشىلىقنى باشتا قىلىشتۇر. قوشنىسىغا باشتا سالام قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن بەك ئۇزۇن پاراڭلاشماسلىق، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، مۇسىبەتكە ئۇچرىسا، تەسەللى بېرىش، خۇشاللىق يەتسە تەبرىكلەش، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىش

ياغاچلارنى تېمىغا ئارتماسلىق، قوشنىنىڭ نوسىغا- ھويلىسىغا قارىماسلىق، بادرا سۇ تۆكۈپ، ھويلىسىغا توپا تاشلاپ بىئارام قىلماسلىق، ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغان ، قۇسۇرلىرىنى يېپىش- نەرسىلەرگە تەكرار قارىماسلىق، ئېچىلىپ قالغان ئەيب قوشنىنىڭ ئۆيىدە قىلغان پارىڭىغا قۇلاق سالماسلىق، قىز / ئايالىغا قارىماسلىق ۋە سەپەرگە چىقىپ كەتسە، ئەھلىنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش قاتارلىقلار. قوشنىدارچىلىقنىڭ ئەدەبلىرىدۇر

يېقىن تۇغقانلار ۋە تۇغقانچىلىق ھەقلىرى توغرىسىدا

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىدۇكى: «رەھىم (تۇغقانچىلىق) رىشتى ئەرشكە ئېسىلغان بولۇپ، ئۇ: ›مېنى ئۇلىغاننى ئاللاھ ئۇلىغاي، مېنى ئۈزۈۋەتكەننى ئاللاھ.»ئۈزۈۋەتكەي‹ دەيدۇ

ئىمام بۇخارىيلا كەلتۈرگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تەڭگەتەڭ يوقلاپ تۇرغۇچى تۇغقانچىلىق رىشتىسىنى تۇتاشتۇرغان ھېسابلانمايدۇ. تۇغقانچىلىق رىشتىسىنى تۇتاشتۇرغۇچى دېگەن.»باشقىلار تەرىپىدىن ئۈزۈۋېتىلگەن رىشتىنى ئۇلىغان ئادەمدۇر

:ئىمام مۇسلىملا كەلتۈرگەن باشقا بىر ھەدىستە: «بىر كىشى

  • ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىم بار، مەن ئۇلارغا سىلە— رەھىم قىلسام، ئۇلار مەن بىلەن ئالاقىنى ئۈزىدۇ؛ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا يامانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلسام، ئۇلار ماڭا قوپلالىق : دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ— قىلىدۇ

ئەگەر ھەقىقەتەن راستچىل بولساڭ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قىزىق كۈل ئاتقان— (ئۇلارنى قاتتىق ئوسال قىلىپ، يۈزىنى قىزارتقان) بولىسەن. سەن بۇلارنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلا بولساڭ، ئاللاھ تەرىپىدىن بىر قوغدىغۇچى سەن بىلەن . دېمەك، ئۇنداق» دېدى— ھەمىشە بىللە بولۇپ سېنى ئۇلاردىن قوغدايدۇ تۇغقانغا قارشى ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ، خۇددى يۈزىگە قىزىق كۈل چېچىلغان ئەتكەنلىرى- كىشى گەپتىن توختىغاندەك، ئۇلارنىڭ تۇغقانچىلىق يۈزىدىن قىلغان. رەت قىلىنىدۇ

ئانىنىڭ ھەقلىرى ۋە (بولۇپمۇ) ئانىنىڭ ھەققىنىڭ- رەھىم، ئاتا- سىلە .تەكىتلىنىدىغانلىقى توغرىلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ھەدىسلەر بار

بالىلارنىڭ ھەقلىرى

بىلگىنكى، ئىنسان تەبىئىتى بالىغا مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن، بالىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش توغرۇلۇق كۈچەپ تەۋسىيەدە بولۇش بىھاجەت. لېكىن، بەزىدە ئاتىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى غالىب كېلىپ، بالىغا ئىلىم ۋە ئەدەب ئۆگىتىشكە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالىچاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ» «66تەھرىم-6».

«ئۆزۈڭلارنى، بالىچاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ مۇفەسسىرلەر بۇ ئايەتتىكى دېگەن بۆلەكنى: «ئۇلارغا ئىلىم ئۆگىتىڭلار ۋە»!بولىدىغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئەدەب ئۆگىتىڭلار» دەپ تەفسىر قىلغان. دادا بالىسىغا چىرايلىق ئىسىم قويۇشى قىلىشى، يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازغا بۇيرۇشى، خەتنە قىلىشى ۋەئەقىقىسىنى .بالاغەتكە يەتسە تويىنى قىلىپ قويۇشى كېرەك

دېدەكلەرنىڭ ھەقلىرى- قۇل

قۇلىغا تاماق بېرىش، كىيىم كىيدۈرۈش، تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارغا سالماسلىق، پەس كۆرمەسلىك، خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىش. قۇل بىرەر خاتانى سادىر قىلغاندا ئۆز خاتالىرىنى ئەسلەپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد. قىلغان ھالدا قۇلىنى ئەپۇ قىلىش قاتارلىقلاردۇر

ئەقىقە (العَقِيقَة): ئائىلە ئىگىسى پەرزەنت يۈزى كۆرگەندە، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش

،يۈزىسىدىن قىلىدىغان سۈننەت قۇربانلىقتىن ئىبارەت. بۇ قۇربانلىقنى بوۋاققا ئىسىم قويۇش. چېچىنى چۈشۈرۈش ۋە سەدىقە بىنىنېرىش بىلەن بىرگە يەتتىنچى كۈنى قىلىش مۇستەھەبتۇر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يېڭى تۇغۇلغان ھەرقانداق ئوغۇل بالا (قىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش) ئۆز ئەقىقەسى ئۈچۈن گۆرۈگە قويۇلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن «يەتتىنچى كۈنى مال سويۇلۇپ، چېچى چۈشۈرۈلۈپ، ئىسمى قويۇلىدۇ» (ئىبنى ماجە، 3165)نى ماجە (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرىُِمُْعَْجَُمُ ُمُْصَْط ََلََحَاِتِ اْلُْع ُ�لُوِمِ الرَّشرِعِžي َِة« :قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا . بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م- 1130 ،»)قامۇسى .2017

!ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر

يالغۇز ياشاشنىڭ ئەدەبلىرى

ئالىملار: «كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش ئەۋزەلمۇ ياكى يالغۇز ياشاشمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىرلىككە كېلەلىگەن ئەمەس. دەرۋەقە ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا. پايدا ۋە زىيانلىرى باردۇر. كۆپىنچە زاھىدلار يالغۇز ياشاشنى ئەۋزەل بىلگەن سۇفيان سەۋرىي، ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم، داۋۇد ئەتتائىي، فۇزەيل، بىشر. ئەلھافىي قاتارلىق ئالىملار يالغۇز ياشاشنى ئەۋزەل، دەپ قارىغانلاردىندۇر

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، شۇرەيىھ، شەئبىي ۋە ئىبنى مۇبارەكلەر كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى مۇستەھەب، دەپ قارىغانلاردۇر. ھەر ئىككى گۇرۇھ ئالىملارنىڭ ئۆز قاراشلىرىغا دەلىللىرى بار. شۇ دەلىللەرگە ئىشارە قىلىدىغان بولساق: يالغۇز ياشاش ئەۋزەل دېگۈچىلەرنىڭ دەلىللىرى: «سەھىھەين»دىكى :مۇنۇ ھەدىستۇر

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:

، دېيىلگەنىدى— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەرنىڭ ياخشىسى كىمدۇر؟— :پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

— جېنى ۋە مېلى بىلەن جىھاد قىلغان كىشى ۋە بىر تاغدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغان، كىشىلەرگە يامانلىقى يەتمەيدىغان كىشىدۇر — دېدى.

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:

:«مەن

، دەپ سورىغانىدىم— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! نىجاتلىق نېمىدۇر؟— :پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

تىلىڭغا ئىگە بولغىن، ئۆيۈڭدىرەك بولغىن ۋە خاتالىقىڭغا يىغلىغىن (مانا— .» دېدى— )بۇ نىجاتلىق

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «خالايىقتىن يىراقلىشىپ يالغۇزلۇقتىن

نېسىۋەڭلارنى ئېلىڭلار» دېگەن.

سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن ‹تاكى ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقىنىمغا قەدەر، ئۆزۈم بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا تۆمۈردىن بىر ئىشىك بولسا، مەن ئۇلارغا سۆزلىمىسەم، ئۇلارمۇ ماڭا سۆزلىمىسە› دېگەننى ئارزۇ قىلىپ قالدىم» دېگەن

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: «ئاسمان ئەھلىگە تونۇلغان ۋە زېمىن ئەھلىگە بىلىنمىگەن ئىلىمنىڭ بۇلاقلىرى، كېچىنىڭ چىراغلىرى، ئۆيلەرنىڭ بىساتلىرى (ئۆيدە ئولتۇرىدىغان)، قەلبلەرنىڭ يېڭىلىرى (ئىبادەت قىلىشتا )چارچىمايدىغان) ۋە كىيىملەرنىڭ كونىلىرى (باشقىلار پەرۋا قىلمايدىغان كىشىلەر.»بولۇڭلار

ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھە! ئۇ ئۆيىدە- ئىبادەتخانىسى ئۆزىنىڭ ئۆيى بولۇشى نېمىدېگەن ياخشى رەستىلەردىكى- تىلىنى، ئەۋرىتىنى، كۆزىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. بازار ئورۇندۇقلاردىن ساقلىنىڭلار، ئۇ ئورۇندۇقلار ئىنساننى گاھ مەشغۇل قىلىدۇ، گاھ.»بىكارچى قىلىدۇ

داۋۇد ئەتتائىي رەھىمەھۇللاھ: «كىشىلەردىن شىردىن قاچقاندەك قاچقىن» دېگەن.

ئەبۇ مۇھەلھىل مۇنداق دېگەن: «سۇفيان سەۋرىي مېنى قولۇمدىن تۇتۇپ بىر مازارغا ئېلىپ باردى، ئاندىن بىز بىر تەرەپكە قايرىلدۇق، سۇفيان سەۋرىي يىغلىدى ۋە: ‹ئى ئەبۇ مۇھەلھىل! قولۇڭدىن كەلسە، زامانداشلىرىڭدىن ھېچكىمگە ›ئارىلاشماي ئۆتكىن، سېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىڭ ئۆزۈڭنى تۈزەش بولسۇن.»دېدى

«كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ياشاش ئەۋزەل» دېگەن قاراشنى تاللىغانلارنىڭ :دەلىلى بولسا: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇ سۆزىدۇر «كىشىلەرگە ئارىلىشىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلىدىغان مۇئمىن كىشىلەرگە ئارىلاشمايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلمايدىغان مۇئمىندىن ياخشىدۇر».

ئۇلار بۇنىڭغا قاملاشمىغان تەرىقىدە دەلىللەرنى كەلتۈرۈپمۇ باققان. شۇ «روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن :دەلىللەردىن، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالار) دەك «3ئال ئىمران-105» بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئۇ قاراشقا بۇ ئايەتنى دەلىل قىلىشمۇ ئورۇنسىز. چۈنكى، بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقىنى: شەرىئەتنىڭ ئاساسىدا مەزھەب ۋە ھەرخىل قاراشلارغا بۆلۈنۈپ كېتىشتۇر. ئۇلار يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۈچ كۈندىن دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلىدۇ ۋە خالايىقىن»ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال بولمايدۇ » يالغۇز بولۇۋېلىش «پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىش ھېسابلىنىدۇ- ئايرىلىپ يەككە دەيدۇ. بۇ دەلىل ھەم زەئىفتۇر. چۈنكى، بۇ ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغىنى: مۇسۇلمان قېرىندىشىغا گەپ قىلماسلىق، سالام قىلماسلىق ۋە ئادەتلىنىپ كەلگەن ئارىلىشىشنى .تەرك ئېتىشتۇر

يالغۇزلۇقنىڭ پايدىلىرى، ئاپەتلىرى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ھەقنى ئاشكارا قىلىش

بىلگىنكى، كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىختىلاپى توي قىلىش ياكى بويتاق يۈرۈشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى ئىختىلاپىغا ئوخشايدۇ. بىز توي قىلىش ياكى .بويتاق ياشاشنىڭ كىشىگە ۋە ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدۇق بىزنىڭچە كىشىلەردىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاش ياكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشنىڭ ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەۋۋەلا يالغۇز ياشاشنىڭ پايدىلىرى :ھەققىدە توختىلايلى. بۇنىڭ ئالتە پايدىسى باردۇر

بىرىنچى پايدا: ئىبادەتكە مەركەزلىشىش، ئاللاھ تائالاغا تىۋىنىش بىلەن يېقىنلىشىش. چۈنكى، بۇ ئىشلار بوش ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ، كىشىلەر بىلەن ئارالاشسا، بوش ۋاقىت چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، يالغۇزلۇق ئەڭ باشتا بوش. ۋاقىتنى زىيادە قىلىدۇ

بەزى ھۆكۈمالارغا: «زاھىدلىق ۋە خىلۋەت جاي كىشىلەرنى نېمىگە ئېلىپ بارىدۇ؟» دېيىلگەنىدى، ئۇلار: «ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىششقا» دەپ جاۋاب بەردى ئۇۋەيس ئەلقەرنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەرۋەردىگارىنى تونۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن. باشقىغا يېقىنلاشقان كىشىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېگەن

بىلگىنكى، بىر كىشى ئاللاھنى داۋاملىق زىكىر قىلىش بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە داۋاملىق تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالانى تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇيەسسەر بولسا، ئۇنداق كىشىنىڭ كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش بىلەن مەشغۇل بولغىنىدىن ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە ئاللاھنى تونۇشقا بېرىلىشى .ئەۋزەلدۇر

ئىككىنچى پايدا: تولا چاغدا خالايىققا ئارىلىشىش سەۋەبلىك ئۇچرايدىغان - مەئسىيەتلەردىن يالغۇز ياشاش ئارقىلىق قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ئۇ گۇناھ- گۇناھ :مەئسىيەتلەر تۆتتۇر

  1. غەيۋەت؛ كىشىلەر ئادەتتە باشقىلارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى ئويۇن-چاقچاق ۋە قىزىق پاراڭ ئوبيېكتى قىلىۋالىدۇ. ئەگەر بىر كىشى كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۇلارنىڭ غەيۋەت قىلىشلىرىغا قوشۇلسا، گۇناھكار بولىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ،ئۇچرايدۇ. ئەگەر غەيۋەتكە قوشۇلماي سۈكۈت قىلسىمۇ گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى غەيۋەتكە قۇلاق سالغۇچىمۇ غەيۋەت قىلغۇچىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ قىلغان غەيۋىتىنى ئىنكار قىلساڭ، ئۇلار سېنى يامان كۆرىدۇ ۋە سېنىڭمۇ .غەيۋىتىڭنى قىلىپ غەيۋەت ئۈستىگە غەيۋەت بولىدۇ. بەزىدە تىللاشقا چۈشىدۇ

  2. ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش؛ خالايىققا ئارىلاشقان كىشى مۇنكەر ئىشلارنى كۆرۈشتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇ مۇنكەر ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئىنكار قىلماي سۈكۈت قىلسا، ئاللاھقا ئاسىي بولىدۇ. ئەگەر مۇنكەر ئىشلارنى ئىنكار قىلسا، تۈرلۈك زىيانلارغا ئۇچرايدۇ. دېمەك، كىشىلەرگە ئارىلاشماي. تەنھا ياشىغۇچى بۇ گۇناھلاردىن سالامەت قالىدۇ

  3. رىيا؛ رىياخورلۇق بولسا ساقلىنىش تەس ۋە داۋالاش قىيىن بىر كېسەلدۇر. كىشىلەرگە ئارىلاشقاندا تۇنجى بولۇپ ئۇلارغا سېغىنىش ئىزھار قىلىنىدۇ. ئۇ سېغىنىشنى ئەسلى پېتىچە سۆزلىسۇن ياكى كۆپتۈرۈپ سۆزلىسۇن، يالغانچىلىقتىن خالىي بولالمايدۇ. سەلەف سالىھلەر «قانداق تاڭ ئاتقۇزدۇڭ؟ قانداق كەچ قىلدىڭ؟» دەپ سورىغۇچىنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرىشتىن (يالغانچىلىق بولۇپ :قېلىشىدىن ئەنسىرەپ) قورقاتتى. ئۇلاردىن بىرىگە

دېيىلگەنىدى، ئۇ جاۋاب— قانداق تاڭ ئاتقۇزدىڭىز؟ قانداق ئەھۋالىڭىز؟—

بېرىپ:

— ئاجىز ۋە گۇناھكار ھالدا تاڭ ئاتقۇزدۇق، رىزقىمىزنى يەيمىز ۋە ئەجىلىمىزنى كۈتۈۋاتىمىز — دېدى.

بىلگىنكى، ئەھۋال سورىغۇچىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىدىن: «تىج قوپاپلىمۇ؟ شەپقىتى ۋە ياخشى كۆرۈشىدىن بولمىسا، بۇنداق- دەپ سورىشى ئۇنىڭغا مېھىر، سوراش ياسالمىلىق ۋە رىيا بولىدۇ. قەلبىدە يوقالماس ئۆچمەنلىك تۇرۇپ «ئەھۋالى يامان بولسىكەن» دېگەن نىيەتتە ئەھۋال سورىشىمۇ مۇمكىن. يالغۇز ياشاشتا بۇ ئىشلاردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بىر كىشى خەلق بىلەن ئۇچراشسا ۋە ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئەخلاقى بىلەن مۇئامىلە قىلمىسا، خەلق ئۇنى يامان كۆرىدۇ، ئۇنى يۈك ھېسابلايدۇ ۋە ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ دىنى كېتىدۇ. غەيۋەت قىلىنغۇچىمۇ ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش يولىدا دىنى .ۋە دۇنيالىقىدىن ئايرىلىدۇ

  1. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ باشقىلارنىڭ ناچار ئەخلاقلىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇشى; بۇ بولسا غەپلەتتە قالغانلارلا ئەمەس، بەلكى ئەقىللىق كىشىلەرمۇ دىققەت قىلىپ ئۇنى— بولالمايدىغان يوشۇرۇن كېسەلدۇر. بىر كىشى پاسىق بىلەن بىر مۇددەت بىرگە ئولتۇرسا ۋە شۇ ھالىتىنى پاسىق بىلەن— كۆڭلىدە ئىنكار قىلسىمۇ ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقسا، بۇزۇقچىلىقتىن نەپرەتلىنىشتە پەرق ھېس قىلىدۇ. چۈنكى، بۇزۇقچىلىققا كۆپ ئۇچرىشىش بىلەن بۇزۇقچىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە يەڭگىل تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە بۇزۇقچىلىقنى چوڭ گۇناھ ساناش ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى ئېغىر گۇناھ ھېس قىلىش يوقاپ كېتىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىلاردىن سادىر بولغان چوڭ گۇناھلارنى ئۇزۇن. مۇددەت كۆرۈشى ئۆزىدىكى كىچىك گۇناھلارنى كىچىك ساناشقا ئېلىپ بارىدۇ شۇنىڭدەك بىر كىشى سەلەف سالىھلەرنىڭ زاھىدلىقى ۋە ئىبادەت قىلىش ھاللىرىنى ئويلانسا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ، قىلغان ئىبادەتلىرىنى كىچىك ھېسابلايدۇ ۋە بۇ ھالەت ئىبادەت قىلىشتا تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ نازۇك بايان: «سالىھلار تىلغا. ئېلىنغاندا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ سىرىنى نامايان قىلغۇسى بىر ئىش تەكرارلانغانسېرى ياكى كۆرۈلۈۋەرسە نورماللىشىپ قالىدىغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى شۇكى، كۆپىنچە كىشىلەر رامازان ئېيىدا روزا تۇتمىغان بىر مۇسۇلماننى كۆرسە، بۇنى ناھايىتى چوڭ گۇناھ ھېسابلايدۇ. ھەتتا ئۇ مۇسۇلماننىڭ كافىرلىقىغا — جەزم قىلغىلى تاس قالىدۇ. لېكىن، نامازنى قازا قىلىدىغان كىشىنى كۆرسە ئۇنداق— بىر ۋاخ نامازنى تەرك ئېتىش ئىنساننى كۇپرىغا چىقىرىدىغان تۇرۇپ. كىشىدىن روزىسىنى قازا قىلغان كىشىدىن نەپرەتلەنگەندەك نەپرەتلەنمەيدۇ

بۇنىڭ پەقەت بىر سەۋەبى بار، ئۇ بولسمۇ ناماز ھەركۈنى تەكرارلىنىدۇ، شۇڭا نامازغا كۆپرەك سەل قاراپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك ئەگەر بىر فەقىھ بىرەر يىپەك - لىباس كىيسە ياكى ئالتۇن ئۈزۈك تاقىسا، كىشىلەر ئۇنى قاتتىق ئەيىبلىشىدۇ يۇ، بىرەر فەقىھ ئالىمنى غەيۋەت قىلغان ھالدا كۆرسىمۇ بۇنى چوڭ گۇناھ بىلىپ. كەتمەيدۇ. ھالبۇكى غەيۋەتخورلۇق يىپەك كىيىم كىيىشتىن قاتتىقراق گۇناھتۇر لېكىن، غەيۋەتنى كۆپ ئاڭلاش ۋە غەيۋەتخورلارنى تولا كۆرۈش سەۋەبلىك بۇ گۇناھنىڭ تەسىرى قەلبتىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. سەن بۇ نازۇك مەسىلىلەرنى ، قوپۇشتىن ئېھتىيات قىلغىن. چۈنكى- چۈشەنگىن ۋە كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ كۆرىدىغىنىڭ دۇنياغا ھېرىسمەنلىك ۋە ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قېلىشنى ئاشۇرىدىغان - نەرسىلەرلا بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە گۇناھ ئۆتكۈزۈشۈڭ ئاسانلىشىپ، تائەت ئىبادەت رىغبىتىڭ ئاجىزلايدۇ. ئەگەر سەن ئاللاھ زىكىر قىلىنىدىغان بىر جاينى .تاپساڭ، ئۇ جايدىن ئايرىلمىغىن، چۈنكى ئۇ جاي مۇئمىن ئۈچۈن غەنىيمەتتۇر

ئۈچىنچى پايدا: پىتنە ۋە دۈشمەنلىشىشلەردىن قۇتۇلۇش، دىنىنى ئادەۋەتخورلۇق ۋە پاساتچىلىققا چۈشۈشتىن ساقلاش. چۈنكى، ھېچبىر شەھەرنىڭ ئاھالىسى تەرەپبازلىق ۋە دۈشمەنلىشىشلەردىن خالىي بولالمايدۇ. يالغۇز ياشىغۇچى بۇ ،ئىشلاردىن نېرى قالىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىتنىلەرنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇنى سۈپەتلەپ: «كىشىلەرنى ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلمىغان، ئامانەتلەرنى قايتۇرۇشتا ئاجىزلاشقان، ئۇلارنى مۇشۇنداق (ياخشىسى بىلەن ناچىرىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان) ھالەتتە كۆرسەڭ» دەپ بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈردى. رىۋايەت :قىلغۇچى (ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) ئېيتىدۇ: «مەن

دېگەنىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ— شۇ زاماندا مېنى نېمىگە بۇيرۇيدىلا؟— :ئەلەيھى ۋەسەللەم

ئۆيۈڭدە ئولتۇرغىن، تىلىڭغا ئىگە بولغىن، توغرا دەپ بىلگىنىڭگە ئەمەل— قىلغىن، خاتا دەپ بىلگىنىڭنى تەرك ئەتكىن، ئۆز ئىشىڭغا بېرىلگىن ۋە ئومۇمنىڭ . بۇنىڭغا مەنىداش باشقا ھەدىسلەرمۇ رىۋايەت» دېدى— ئىشىدىن يىراقلاشقىن. قىلىنغان

تۆتىنچى پايدا: كىشىلەرنىڭ يامانلىقىدىن قۇتۇلۇش. چۈنكى، كىشىلەر بەزىدە غەيۋەت، بەزىدە چېقىمچلىق بىلەن، بەزىدە گۇمانخورلۇق، بەزىدە قۇرۇق تۆھمەت

ۋە بەزىدە يالغان خۇشامەت بىلەن باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىدۇ. كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۆتكەن كىشى ھەسەت، دۈشمەنلىك، ھەتتا ئۆز تونۇشلىرىدىن كېلىدىغان تۈرلۈك يامانلىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ. يالغۇز ياشاش بۇلارنىڭ :ھەممىسىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. شائىر مۇنداق دېگەن، دۈشمىنىڭ چىقۇر دوستلار ئىچىدىن. ئاگاھ بول، بولمىغاي دوستۇڭ زىيادە ،چۈنكى سەن يولۇققان كېسەلنىڭ كۆپى .باغلىقتۇر يېگەن ئىچكەن نەرسەڭگە

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتۇر: «كىشىلەردىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاش يامان :. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ ئېيتقان»ھەمراھلاردىن قۇتۇلدۇرىدۇ .»«تونۇمايدىغان كىشىنى تونۇشقا تىرىشما، تونۇيدىغان كىشىنى تونۇماس بولغىن

بىر كىشى مۇسۇلمان قېرىندىشىغا:

ساڭا ھەجدە ھەمراھ بولايمۇ؟ دېگەنىدى، ئۇ:

بىرىمىزدىن- ياق، بىز ئاللاھنىڭ پەردىسى ئىچىدە ياشايلى، چۈنكى بىز بىر، ئۆزئارا يامان كۆرۈشكە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ قېلىشتىن قورقىمىز . دېدى

-يالغۇز ياشاشنىڭ باشقا بىر پايدىسى: دىن، ئادەمگەرچىلىك ۋە باشقا تەرەپلەر. دىكى ئەيىبلەر يوشۇرۇن قالىدۇ

بەشىنچى پايدا: كىشىلەرنىڭ سەندىن ۋە سېنىڭ كىشىلەردىن تەمەدە .بولۇشۇڭنى ئۈزۈپ تاشلاش

كىشىلەر دائىما مەمنۇن بولۇشنى خاھلايدۇ. ھالبۇكى، ھەممىنى رازى قىلىش - تۆكۈن ۋە بەزمە- يېتىپ بولماس بىر غايىدۇر. يالغۇز ياشاش ئۇلارنىڭ توي. باراۋەتلىرىگە قاتنىشىشىنى كۈتۈش ۋە باشقا ئارزۇلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ

دەپتۇرلەركى: «ھەممە خالايىقنى بىردەك مەھرۇم قالدۇرغان / ھېچكىمگە ئۈمىد.»بەرمىگەن كىشىدىن ھەممە رازى بولىدۇ

سېنىڭ باشقىلاردىن تەمەيىڭىگە كەلسەك: دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىگە قارىغان كىشىنىڭ قىزىقىشى قوزغىلىدۇ، قىزىقىش كۈچى تەمە / ئىستەكنى قوزغايدۇ ۋە ئۇ كىشى كۆپىنچە تەمە قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرگەندە ئەزىيەت. چېكىدۇ

«بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن :ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن قىلغان دۇنيانىڭ نېئمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ فانىي نېئمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە . پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(پۇل مال ۋە «20تاھا-131» ئەڭ باقىيدۇر يارىتىلىش جەھەتتە) ئۆزۈڭلاردىن تۆۋەن كىشىلەرگە قاراڭلار، ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كىشىلەرگە قارىماڭلار، بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن . دېگەن»نېئمىتىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكىڭلارغا پايدىلىق

ئالتىنچى پايدا: ئەقىلسىز، ئەخمەق كىشىلەرنى كۆرۈشتىن ۋە ئۇلارنىڭ يامان، خۇلقلىرىغا ئۇچراشتىن قۇتۇلۇش. ئىنسان ئەقىلسىز كىشىدىن ئەزىيەت چەكسە ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدۇ. ناداننىڭ ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىغۇچى، ئەينى ئەزىيەت بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ، ئاقىبەت ئىش دىننىڭ بۇزۇلۇشىغا بارىدۇ. تەركى .دۇنيالىقتا بولسا، بۇنىڭدىن پارىغ بولغىلى بولىدۇ

يالغۇز ياشاشنىڭ زىيانلىرى ھەققىدە

بىلگىنكى، دىنىي ۋە دۇنياۋى مەقسەتلەرنىڭ بەزىسىگە باشقىلاردىن ياردەم سوراش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ بولسا كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش. ئارقىلىقلا ھاسىل بولىدۇ

،ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە مەنپەئەتكە ئېرىشىش تەربىيە بېرىش ۋە تەربىيە ئېلىش، دوست بولۇش ۋە دوستلۇقنى ھېس، قىلدۇرۇرش، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن ساۋابقا ئېرىشىش كەمتەرلىككە ئادەتلىنىش، بۇ ئەھۋاللار كۆرۈپ تەجرىبىلەردىن پايدا ئېلىش ۋە ئىبرەت ئېلىش قاتارلىقلار كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشنىڭ پايدىلىرىدىن :بولۇپ، تۆۋەندە بۇلارنى تەپسىلى بايان قىلىپ ئۆتىمىز

بىرىنچى پايدا: ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىلىم ئۆگىتىش؛ بۇنىڭ پەزىلىتىنى ئىلىمنىڭ بۆلۈمىدە بايان قىلدۇق. ئۆزىگە پەرز بولغان ئىلىمنى ئۆگەنگەن كىشى «باشقا ئىلىملەرگە مەركەزلىشىشىم ئاسان ئەمەس، ئىبادەتكە مەركەزلىشەي» دەپ

قارىسا، ئىبادەت قىلىشقا بېرىلسۇن. ئەگەر شەرىئەت ئىلىملىرىدە ۋايىغا يېتش قابىلىيىتى بار كىشى ئىلىم ئۆگىنىشتىن بۇرۇن كىشىلەردىن ئايرىلىۋېلىپ يالغۇز ياشىسا، بۇ ئاپەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن رەبىيئ ئىبنى خۇسەيم رەھىمەھۇللاھ: «دىنىي دېگەن. ئىلىم بولسا»ئىلىملەرنى ئىگىلىگىن! ئاندىن كىشىلەردىن ئايرىلغىن دىننىڭ ئاساسىدۇر، ئاۋام خەلقتىن ئايرىلىپ ياشاشتا (ئىلىم خۇسۇسىدا) ياخشىلىق. يوقتۇر

بىر ئالىم زاتتىن: «بىلىمسىز كىشىنىڭ كىشىلەرنى تاشلاپ يالغۇز بولۇۋېلىشىغا، نېمە دەيسىز؟» دەپ سورىغانىدى، ئالىم جاۋابەن: «ئاپەت ۋە پالاكەتتۇر» دېدى ئاندىن ئۇنىڭغا: «ئالىمنىڭكىچۇ؟» دېيىلگەنىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «يوقاپ كەتكەن تۆگە بىلەن سېنىڭ نېمە ئىشىڭ؟ ئۇ تۆگىنىڭ سۇ قاچىسى ۋە تۇيىقى -ئۆزى بىلەن بىللە تۇرسا، ئىگىسى ئۇنى تېپىۋالغۇچە سۇ بار يەرگە كېلىپ دەل. دەرەخلەردىن يەپ يۈرمەمدۇ؟» دېدى

ئىلىم ئۆگىتىشكە كەلسەك: نىيەت توغرا بولسا، ئىلىم ئۆگىتىشنىڭ ساۋابى ئابرۇي تىكلەش ۋە- بۈيۈكتۇر. قاچانكى، ئىلىم ئۆگىتىشتىن مەقسەت يۈز. ئەگەشكۈچىلەرنى كۆپەيتىش بولسا، ئۇنداق ئىلىم ئۆگىتىش دىننىڭ ھالاكىتىدۇر بۇ ھەقتە ئىلىم بۆلۈمىدە سۆزلەندى. زامانىمىزدا كۆپىنچە ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ مەقسىتى يامان بولۇپ قالدى. دىننىڭ مەقسىتى ئىلىم ئۆگەنگۈچىنى ناچار كىشىلەردىن ئايرىشتۇر. ئەگەر ئىلىم ئۆگەتكۈچى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىلىم تەلەپ قىلىدىغان ۋە ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەيدىغان تالىبۇل ئىلىمگە يولۇقسا، ئۇنىڭ تەنھا ياشىشى دۇرۇس ئەمەس ۋە ئىلىمنى يوشۇرۇش. ھارامدۇر

«ئىلىمنى ئاللاھ رىزاسىدىن باشقا نەرسە ئۈچۈن ئۆگەنگەنىدۇق، لېكىن ئىلىم پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا بولۇشقا ئۇنىدى» دېگەن كىشىنىڭ سۆزىگە ،ئالدىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، بۇنى دېگۈچى ئەسلىدە قۇرئان ئىلمى، ھەدىس ئىلمى، پەيغەمبەر ۋە ساھابەلەرنى تونۇش ئىلمىگە ئىشارەت قىلدى، بۇ ئىلىملەر قورقۇتۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم يەنە ئاللاھ قورقۇسىنى قوزغاشقا سەۋەب بولىدۇ. بۇ ئىلىملەر دەرھال تەسىر قىلمىسىمۇ كېيىنىچە تەسىر قىلىدۇ. ئەمما، كالام ئىلمى ۋە ئىختىلاپ ئىلمىگە كەلسەك، ئۇ ئىلىملەر دۇنياغا قىزىققۇچىنى ئاللاھ تائالا تەرەپكە قايتۇرالمايدۇ. بەلكى كالام ۋە ئىختىلاپ ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەنلەر ئۆمرىنى دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىك بىلەن. تاماملايدۇ

ئىككىنچى پايدا: مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە مەنپەئەت ئېلىش؛ باشقىلاردىن مەنپەئەت ئېلىش كەسىپ قىلىش ۋە مۇئامىلە قىلىش بىلەن بولىدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىشقا موھتاج بولغۇچى يالغۇز ياشاشنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇردۇر. ئەمما، يېنىدا، موھتاج قىلمىغۇدەك نەرسىسى بار كىشىنىڭ يالغۇز ياشىشى ئەۋزەلدۇر. لېكىن كىشى ساخاۋەت ئۈچۈن كەسىپ قىلماقچى بولسا، بۇ ئۇنىڭ تەنھا ياشىشىدىن ئەۋزەلدۇر. بىراق، كىشىنىڭ تەنھا ياشىشى ئاللاھ تائالانى تونۇشىغا، قۇدرىتىنى قۇرۇق پەرەز ۋە بىمەنە خىياللار بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆرۈش ۋە بايقاش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشىغا پايدىلىق بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ يالغۇز ياشىشى كەسىپ. قىلىشىدىن ئەۋزەلدۇر

باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش بولسا مېلى ياكى بەدىنى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىپ، ئۇلارغا پايدا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. كىشى ئەگەر، يالغۇز ياشىسا نەپلە نامازلار ۋە بەدەنىي ئەمەللەر بىلەنلا ئۆتىدىغان كىشى بولۇپ ئەمەلىيەتتە شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىنى چەيلىمىگەن ھالدا ئۆزگىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە قادىر بولالايدىغان كىشى بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھاجەتلەرنى راۋا قىلىپ ئۆزگىلەرگە پايدا يەتكۈزگىنى يالغۇز بولۇۋالغىنىدىن ئەۋزەلدۇر. ئەگەر كىشى قەلبەن داۋاملىق ئەسلەش ياكى داۋاملىق تەپەككۇر قىلىشتەك ئەمەل يولى .ئېچىلغان كىشى بولسا، بۇ ئەمەلگە ئەلبەتتە ھېچ ئىش تەڭ بولمايدۇ

ئۈچىنچى پايدا: تەربىيە قىلىش ۋە تەربىيە ئېلىش؛ بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ جاپاسىغا كۆنۈش، ئەزىيەتلەرنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىش، نەپسىنى تىزگىنلەش ۋە شەھۋەتنى بويسۇندۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەخلاقى تۈزەلمىگەن. كىشى ئۈچۈن يالغۇز ئۆتۈشتىن ئەۋزەلدۇر

بەئەينى ياۋا بىر ھايۋاننى كۆندۈرۈشتىن مەقسەت پەقەتلا كۆندۈرۈپ قويۇش بولمىغىنىدەك، نەپسنى كىشىلەرنىڭ جاپاسىنى كۆتۈرۈشكە كۆندۈرۈشتىن مەقسەتمۇ پەقەت كۆندۈرۈشلا ئەمەسلىكى چۈشىنىلىشى كېرەك. بەلكى مەقسەت: نەپسىنى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدىغان بىر ئۇلاغ قىلىپ تۇتۇشتۇر. بەدەن بولسا ئاخىرەت

يولىنىڭ مىنەك ئۇلىغىدۇر. بۇ ئۇلاغنىڭ شەھۋەتلىرى بار بولۇپ، ئەگەر ئۇ شەھۋەتلەر يوقىتىلمىسا، ئۇ مىنگۈچىگە يولدا بويسۇنمايدۇ. بىر كىشى ئۇزۇن ۋاقىت مەشىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولسا، ئۇزۇن ۋاقىت ھايۋاننى كۆندۈرۈپ ئۇنىڭغا مىنمىگەن كىشىگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئېرىشكىنى پەقەت ھايۋاننىڭ چىشلەش ۋە تېپىشىدىن قۇتۇلۇشلا بولىدۇ. ئۇمۇ بىر پايدا، لېكىن :ھەقىقىي مەقسەت ئەمەس. بىر ناسارا راھىبقا: «ئى راھىب!» دېيىلگەنىدى، ئۇ «مەن راھىب ئەمەسمەن، پەقەت چىشلىگەك ئىتمەن، مەن كىشىلەرنى چىشلىمەي دەپ ئۆزۈمنى تىزگىنلىگەن كىشىمەن» دېدى. بۇ چىشلىگەك كىشى ئۈچۈن. ياخشى، لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنمەسلىك كېرەك. ئەمما، تەربىيە بېرىشكە كەلسەك، ئۇ باشقىلارنى تەربىيەلەشنى كۆرسىتىدۇ ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغاندەك، ئىلىمنى تارقاتقاندا كېلىدىغان نازۇك ئاپەتلەر. باشقىلارغا تەربىيە بەرگەندىمۇ كېلىدۇ

تۆتىنچى پايدا: كىشىلەر بىلەن ئۆزئارا دوستلىشىش ۋە دوستلۇقنى ھېس قىلدۇرۇش؛ بۇ خۇددى تەقۋا كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشقانغا ئوخشاش قايغۇلىرىدىن راھەتلىتىش- مۇستەھەبتۇر. بەزىدە قەلبنى يالغۇزلۇقنىڭ غەم ئۈچۈنمۇ دوستلىشىش بولىدۇ. شۇڭا، يالغۇز ياشىغۇچى ۋاقتىنىڭ مەلۇم قىسمىنى باشقا ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغان كىشى بىلەن دوستلۇق قۇرۇش ۋە پاراڭ ئارقىلىق بېيىتسە ياخشى. لېكىن، دوست بىلەن ئۇچراشقاندا مۇمكىنقەدەر دىنىي. تېمىدا پاراڭلىشىش كېرەك

بەشىنچى پايدا: ساۋابقا ئېرىشىش ۋە ساۋابقا ئېرىشتۈرۈش؛ جىنازىغا قاتنىشىش، كېسەل يوقلاش، نىكاھ ۋە باشقا چىللاقلارغا ئىجابەت قىلىش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىشكە بولىدۇ. بۇ ئىشلاردا مۇئمىننى سۆيۈندۈرۈش يۈزىدىن ساۋاب. بولىدۇ

ساۋابقا ئېرىشتۈرۈشكە كەلسەك، تەسەللى بېرىشى ياكى تەبرىكلىشى ۋەياكى يوقلىشى ئۈچۈن كىشىلەرگە ئىشىكىنى ئېچىش ئارقىلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدەك ئەگەر كىشى ئالىم بولسا. ۋە كىشىلەرگە ئۆزىنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسا، كىشىلەر ساۋابقا ئېرىشىدۇ ، زىيانلىرىنى دەڭسەپ بېقىش- لېكىن، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنىڭ ساۋاب ئاندىن يالغۇز ياشاش ياكى ئارىلىشىپ ياشاشتىن قايسىسى ئەۋزەل بولسا شۇنى .تاللىۋېلىشى كېرەك. سەلەف سالىھلەر يالغۇز ياشاشنى تالاليتتى

ئالتىنچى پايدا: تەۋازۇچان بولۇشتۇر؛ يالغۇز ياشىغۇچى ئاسانلىقچە كەمتەرلىككە

،قادىر بولالمايدۇ. بەزىدە تەكەببۇرلۇق يالغۇز ھاياتنى تاللاشقا سەۋەب بولىدۇ يىغىلىشلاردا ئۆزىگە بولغان ھۆرمەتنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە سورۇندا دېگەندەك كۆزگە كۆرۈنەلمەسلىك كىشىنى خالايىق بىلەن ئارىلىششتىن توسىدۇ. بەزىدە كىشى ئۆز نەزەرىدە ئۆزىنى ئۈستۈن ئورۇندا كۆرگەچكە، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشتىن كىبىر قىلىدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ ئالامىتى: باشقىلارنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىشىنى ياخشى كۆرۈش، لېكىن ئۆزى باشقىلارنى زىيارەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەسلىك، دۆلەت ئەركانى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ئۆزىگە مۇشتاقلىقى، ئۆيىگە كېلىپ ئېتەكلىرىنى سۆيۈشىدىن خۇشال بولۇشتۇر. بۇ ۋەجدىن تەنھا- تۇرۇشى ۋە قول ياشاش نادانلىقتۇر. چۈنكى، كەمتەرلىك بۈيۈك كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى .تۆۋەنلىتىۋەتمەيدۇ

دېمەك، يالغۇز ياشاشنىڭ پايدا ۋە زىيانلىرىنى بىلگىنىڭدە، شۇنى جەزمەن كۆرۈپ يېتىسەنكى، مۇتلەق ھالدا «يالغۇز ياشاش تېخىمۇ ئەۋزەل» ياكى «خالايىق بىلەن ياشاش تېخىمۇ ئەۋزەل» دەپ ھۆكۈم قىلىش خاتادۇر. بەلكى بۇنىڭدا شەخسكە ۋە شەخسنىڭ ھالىغا، ئارىلاشقان ئادىمىگە ۋە ئۇ ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا، كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە تۈرتكە بولغان سەۋەبكە ۋە ئارىلىشىپ ئۆتۈش سەۋەبلىك قولدىن كېتىدىغان پايدىلارغا قاراش ۋە ئارىلىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسە بىلەن قولدىن كەتكەن نەرسە ئارىسىنى دەڭسەپ بېقىش كېرەك. ئەنە شۇ چاغدا ھەقىقەت ئايان بولىدۇ ۋە قايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكى .روشەنلىشىدۇ

ئېيتقانىكەن: «كىشىلەرنى— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— ئىمام شافىئىي پۈتۈنلەي تەرك قىلىش دۈشمەنلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار بىلەن بەك يېقىن ئۆتۈشمۇ يامانلىقنى باشلاپ كېلىدۇ. شۇڭا، تەكەللۇپ بىلەن سەمىمىيلىك ئارىسىدا . كىمكى بۇنىڭدىن باشقا گەپ قىلسا، ئۇ كەم ئەقىل كىشىدۇر»!بولغىن

بۇ ھەركىمنىڭ ئۆز ئەھۋالىدىن دېرەك بېرىدىغان بىر ئۆلچەمدۇر. بىر كىشىنىڭ. ئۆزىگە خاس ھۆكۈمنى ئەكسىچە ئەھۋالدىكى كىشىگە بېرىشى دۇرۇس بولمايدۇ

يالغۇز ياشاشنىڭ ئەدەبلىرى

بۆلۈم: “يالغۇز ياشاشنىڭ ئەدەبلىرى”

ئەگەر «يالغۇز ياشاشنىڭ ئەدەبلىرى نېمە؟» دېيىلسە، دەيمىزكى: كىشىلەردىن ئايرىلغۇچى بۇ ئارقىلىق ئەۋۋەلا ئۆزىدىن كىشىلەرگە يەتكۈسى يامانلىقنى توختىتىشنى، ئاندىن يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئامان قېلىشنى، ئاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈشتىن قۇتۇلۇشنى ۋە ئاندىن كېيىن بارچە ئىتائەت ۋە غەيرىتى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقىلا. نىيەت قىلىشى كېرەك. بۇ ئاشكارا ئەدەبلەردۇر، ئاندىن يالغۇز قالغىنىدا ئىلىم، ئەمەل، زىكىر ۋە تەپەككۇرنى داۋاملاشتۇرغايكىم تەنھا ياشاشنىڭ مېۋىسىنى ئالالىغاي. ساپ / ھۇزۇرلۇق ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن پات كېلىشى ۋە زىيارەت قىلىشىنى توسقاي! باشقىلارنىڭ- كىشىلەرنىڭ يېنىغا پات ھالىنى سورىمىغاي، شەھەردىكى تۈرلۈك پاراڭلارغا ۋە كىشىلەر مەشغۇل بولۇۋاتقان نەرسىلەرگە قۇلاق سالمىغاي. چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى قەلبكە مۇستەھكەم ئورنايدۇ، ھەتتا ناماز ئەسناسىدىمۇ دىققەتنى چاچىدۇ. دېمەك، خەۋەرلەرنىڭ / قۇلاققا كىرىشى زېمىنغا ئۇرۇقنىڭ چۈشكىنىگە ئوخشايدۇ. ئازغىنە مەئىشەت كىرىمگە قانائەت قىلغاي. ئەكسىچە بەكرەك كەڭرىچىلىكتە ئۆتمەكچى بولسا، بۇ .ئۇنى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ

كىشىلەردىن كەلگەن ئەزىيەتلەرگە سەبرچان بولغاي، تەنھا ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن كەلگەن ماختاشلارغا ياكى كىشىلەر بىلەن ئارىلاشمىغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەشلەرگە قۇلاق سالمىغاي. چۈنكى، بۇلار قەلبكە تەسىر قىلىدۇ ۋە كىشىنى .ئاخىرەت يولىدا مەڭدىتىپ قويىدۇ

  • داۋاملىق تەنھا ئىبادەت قىلىش مۇشەققىتىنى يېنىكلىتىپ، بىرەر دەم ھال مۇڭ قىلىپ بىللە ئارام ئالغۇدەك سالىھ دوستى بولغاي. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر سائەت يالغۇزلۇقتا ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگۈسى قالغان سائەتلەردە ياردەم بېرىدۇ. دۇنيا تەمەسىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىلا، كىشىلەردىن ئايرىلىپ تۇرۇشتىكى .سەبر مۇكەممەللىشىدۇ. تەمەگەرلىك ئارزۇنى ئاددىي قىلىش بىلەنلا ئۈزۈلىدۇ شۇڭا، كىشى تاڭ ئاتقۇزسا كەچ قىلالمايدىغانلىقىنى، كەچ قىلسا تاڭ. ئاتقۇزالمايدىغانلىقىنى ئويلىسۇن، شۇندىلا كۈن بويى سەبر قىلىشى ئاسان بولىدۇ

يالغۇزلۇقتىن قەلبى سىقىلسا، ئۆلۈمنى ۋە قەبرىدىكى يالغۇزلۇقنى كۆپ ياد ئەتكەي! شۇنى جەزملەشتۈرۈرۋالغايكى، ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ۋە ئۇ زاتنى ئۈلپەت ھاسىل قىلالمىغان كىشى ئۆلۈمدىن- تونۇشتىن قەلبىدە بىر ئۇنس قورقۇنچىغا تاقەت قىلالمايدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالانى- كېيىنكى يالغۇزلۇقنىڭ سۈر زىكىر قىلىش ۋە ئۇ زاتنى تونۇش بىلەن ئۇنسىيەت تاپسا، بۇ ئۇنسىيەتىنى ئۆلۈم. يوق قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۆلۈم ئۇنسىيەت ۋە تونۇش ماقامىنى بىتچىت قىلالمايدۇ «ئاللاھنىڭ يولىدا شەھىد :ئاللاھ تائالا شەھىدلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىدىن ئەتىگەن

«3ئال ئىمران-169» )ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇلۇپ تۇرىدۇ

ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىشقا بېرىلگەن كىشى شەھىدتۇر. شۇنىڭدەك بەزى ساھابەلەرنىڭ: «بىز كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى.

ئىزاھاتلار:

  • ئەھمەد (17710)؛ تىرمىزىي (2018). ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇشەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: «سەھىھۇلجامىئ» (1535) دە «سەھىھ» دېگەن.
  • ئەھمەد (18547)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر» (10203). ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس ۋە بەرائ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت «ھەسەن» دېگەن.
  • ئەھمەد (17210)؛ تىرمىزىي (2395). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 279) «سەھىھ» دېگەن.
  • «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3/76.
  • ئەبۇ داۋۇد (4912) ۋە نەۋەۋىي («ياخشىلارنىڭ باغچىسى»، 1605)؛ ئالبانىي («سەھىھۇتتەرغىب»، 2757؛ «غايەتۇل مەرام»، 405) دە «ھەسەن» دېگەن.
  • ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ»، 3/175.
  • مۇسلىم (2555). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
  • بۇخارىي (5991). ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6494)؛ مۇسلىم (1888). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • ئەھمەد (5022)؛ تىرمىزىي (2507)؛ ئىبنى ماجە (4032). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئ»، 6651) «سەھىھ» دېگەن.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1240)؛ مۇسلىم (2162). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • تىرمىزىي (2736)؛ ئەھمەد (22183).
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6064)؛ مۇسلىم (2563). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • خەرائىتىي: «مەكارىمۇل ئەخلاق» (397).
  • ئەھمەد (12474)؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى، سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
  • بەززار (2003)؛ خەرائىتىي؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (909)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر» (671)، «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت» (7672). ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 525): «جىمى يوللىرىنى جەملىگەندە سەھىھ، ھېچبولمىسا ھەسەن» دېگەن.
  • بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد» (946)؛ تىرمىزىي (2755). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6032)؛ مۇسلىم (2591). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
  • ئىبنى ئەبى ئاسىم: «ئەززۇھد» (85).
  • ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد» (433)؛ ئىمام خەتتابىي: «ئەلئۇزلە» (42).
  • بۇ يەردە «ئالىمنىڭ كىشىلەردىن ئايرىلىۋېلىشى قانداق بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگۈچى ئالىم «سەھىھۇلبۇخارىي» 2372-ھەدىستە كەلگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «تۆگىنىڭ يوقاپ كەتكىنىچۇ؟» دېگەن سوئالغا بەرگەن جاۋابى بىلەن جاۋاب بەرگەن.
  • بەيھەقىي: «ئەززۇھد ئەلكەبىر» (384). ھافىز ئىراقىي («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھيائ»، 2/3): «بۇ ھەدىسنى بەيھەقىي جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان، سەنەدى زەئىف» دېگەن. تابىئىنلەردىن ئىبراھىم ئىبنى ئەبلەنىڭ سۆزىدۇر. ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ («مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 197/11): «ئاساسى يوق» دېگەن.

ئون ئىككىنچى بۆلۈم: سەپەرنىڭ ئەدەبلىرى ھەققىدە

بۆلۈم: “ئون ئىككىنچى بۆلۈم: سەپەرنىڭ ئەدەبلىرى ھەققىدە”

سەپەر قېچىشقا تېگىشلىك نەرسىدىن قۇتۇلۇش ياكى ئارزۇ قىلىنغان نەرسىگە .ئېرىشىش ۋاسىتىسىدۇر

سەپەر ئىككى تۈرلۈكتۇر:

بىرى، زاھىرىي بەدەن بىلەن يۇرتىدىن سەپەر قىلىش. يەنە بىرى، قەلب دىن ئەرشى ئەلانىڭ بۈيۈك مۈلكىگىچەسەيرى بىلەن ئەسفەلى سافىلىن، قىلىنىدىغان سەپەردۇر. ئەڭ شەرەپلىك سەپەر ئىككىنچىسىدۇر. چۈنكى - تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىتتىن ئايرىلمىغان، ئاتا، بوۋىلىرىدىن ئۆگەنگەن نەرسىلەر بىلەنلا توختاپ قالغان ئىنسان نۇقسانلىق ھالىغا قانائەت قىلغان، كەڭلىكى ئاسمان ۋە زېمىنچە كېلىدىغان كەڭ جەننەتكە .زىندان قاراڭغۇلۇقىنى ۋە ھەپس تارلىقىنى تېگىشكەن كىشىدۇر، كۆرمىدىم كىشىلەر ئىچرە قەبىھ ئەيىبنى .قادىر تۇرۇپ كەمتۈك قىلغانلارنىڭكىدەك

ئەمما، بۇ سەپەرگە تەييارلىقسىز ئاتلانغۇچى ناھايىتى چوڭ خەتەر ئىچىدە بولىدىغان بولغاچقا، (قوغدىغۇچى ۋە يولباشچىغا موھتاج بولىدۇ، نەتىجىدە يولنىڭ نائېنىقلىقى، قوغدىغۇچى ياكى يولباشچىنىڭ يوقلۇقى ۋە ئۆزىنىڭ. غەيرەتسىزلىكى سەۋەبلىك) يولىنى يىتتۈرۈپ، ئېزىپ كېتىدۇ

بەدەنىي سەپەر بولسا بىرنەچچە قىسىمدۇر. بەدەنىي سەپەرنىڭ نۇرغۇن پايدىلىرى بولۇپلا قالماي بۈيۈك ئاپەتلىرىمۇ باردۇر. بۇ سەپەرنىڭ ھۆكمى يالغۇز

َأَŎسَْفََلَ Ŏسَاِفِِلَِنيَ): «ئەڭ تۆۋەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنى؛ ئەڭ رەزىللەرنىڭ ئەڭ( ئەسفەلى سافىلىن

رەزىلى؛ ئەڭ پەسلەرنىڭ ئەڭ پېسى» دېگەن مەنىدە. قاراڭ: مۇرتەزا ئەززەبىيدىي:

ياشاش ياكى كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۆتۈشنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ. يۇقىرىدا. ئۇنىڭ يولىنى بايان قىلىپ بولدۇق

بەدەنىي سەپەر قىلىشقا تەشۋىق قىلغۇچى پايدىلار يا بىر نەرسىدىن قېچىش ياكى بىر نەرسىنى تەلەپ / ئارزۇ قىلىشقا چېتىلىدۇ. بىر شەھەردە كۆرۈلگەن تائۇن (ۋابا)، پىتنە ۋە خۇسۇمەتتىن قورقۇش ياكى زىيادە قىممەتچىلىككە .ئوخشاش دۇنيالىق ئىشلاردا پاراكەندە بولۇش قېچىشقا سەۋەبلىك بولىدۇ يا بولمىسا كىشى دىنىي تاماندىن ئۆزىگە زىيانلىق بىر ئامىلدىن قاچىدۇ دۇنيا ۋە ناھايىتى- مەسىلەن، كىشىنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى مەرتىۋە، ئابرۇي، مال ياخشى شارائىتى بۇ ئىمكانلىرى كىشىنى ئاللاھقا تولۇق تەسلىم بولۇشتىن ، شۆھرىتىنى ئۆچۈرۈشنى تاللايدۇ- توسقۇدەك بولسا، ياقا يۇرتقا چىقىشنى ۋە شان باياشات شارائىتىدىن، مەرتىۋە ۋە ماقامىدىن يىراقلىشىدۇ. بىر بىدئەتكە چاقىرىلغان. ياكى قىلىنىشى ھالال بولمىغان بىر ئىشقا تەيىنلەنگۈسى كىشى بۇلاردىن قاچىدۇ.

، مۈلك- سەپەردىن كۆزلەنگەن ۋە تەلەپ قىلىنغان نەرسىگە كەلسەك، يا مال ئابرۇيغا ئوخشاش دۇنيالىق بىر ئىستەك، ياكى ئىلىمگە ئوخشاش دىنىي- يۈز بىر تەلەپ ئۇمۇنچتۇر. ئىلىم بولسا يا دىنىي تېمىلارغا ئالاقىدار، ياكى ئۆز دىيانىتىگە ئالاقىدار ۋەياكى ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى قۇدرەت ئالامەتلىرىگە ئالاقىدار بولىدۇ. ئىلىم بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ۋە ساھابە كىراملەر زامانىدىن بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە ئىلىم تەھسىل قىلغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ئىلىمنى پەقەت سەپەر قىلىش بىلەن تەھسىل قىلغان ۋە ئىلىم ئۈچۈن سەپەر قىلغان. ئىدى

. ئەتىۋارىنى بىلىشىمۇ ھەم بەك مۇھىمدۇر- بىر كىشىنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆز پېئىل چۈنكى، ئاخىرەت يولىدا پەقەت ئۆز ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تۈزىتىش ئاچماق ۋە ئاشكارىلىماق دېگەن مەنىسىگە— بىلەنلا ماڭغىلى بولىدۇ. سەپەر «سەپەر» دەپ ئاتالغان. چۈنكى بۇ ئىلىم ئەخلاقنى ئوتتۇرىغا— بىنائەن. چىقىرىدۇ

،يىغىپ ئېيتقاندا: يۇرتىدىن ئايرىلمىغان تۇرغۇن كىشى ئۆز تەبىئىتىگە مۇۋاپىق. كۆنگەن ۋە تونۇش مۇھىتتا ئۆتىدىغان بولغاچقا، پەس خۇيلىرىنى ئاشكارىلىمايدۇ قاچانكى، سەپەر قىيىنچىلىقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندە، ئۆزى كۆنگەن راھەت مۇشەققەتلىرى بىلەن سىنالغان- مۇھىتتىن ئايرىلغان ۋە مۇساپىرلىقنىڭ رەنج چاغدا، ئىنسان نەپسىنىڭ بارلىق ناچار تەرەپلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە كىشى . نۇقسانلىرىنى تونۇپ يېتىدۇ-ئەيىب

ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى قۇدرەت ئالامەتلىرىگە قاراپ دىققەت بىلەن :كۆزەتكۈچىگە (بەسىرەت ئىگىسىگە) نۇرغۇن پايدىلار باردۇر

ئاللاھ تائالا: «يەر يۈزىدە بىر-بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار» «13رەئد-4» دەيدۇ. تاغلار، چۆللەر، دېڭىزلار، تۈرلۈك ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر بار. ھەرقانداق بىر مەۋجۇد نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە شاھىدتۇر ۋە راۋان تىل بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتقۇچىدۇر. لېكىن، بۇلارنى پەقەت: «ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى ھۇزۇرىي قەلب بىلەن ۋەز-نەسىھەتكە قۇلاق سالىدىغان ئادەملا» «50قاف-37» بىلەلەيدۇ.

تاشقى جەھەتتىن قۇلاقنى دىڭ— بۇ يەردىكى قۇلاق سېلىش دېگىنىمىز ئىچىدىن قۇلاق سېلىش بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ھال- ئىچ— تۇتۇش ئەمەس تىلىنىڭ نەق مېغىزىنى چاققىلى بولىدۇ. ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەربىر زەررىدە .ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بىرلىكىگە تۈرلۈك شاھىدلار باردۇر

ئابرۇي ۋە- بىز سەپەرنىڭ پايدىلىرى قاتارىدا دۇنيالىق بىر ۋەزىپىدىن، يۈز ھەددىدىن زىيادە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن قېچىشنى بايان قىلدۇق. چۈنكى، دىن (بويسۇنۇش) ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن پارىغ بولغان قەلب بىلەنلا مۇكەممەل بولىدۇ. بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيادىن، دۇنيالىق مۇھىم شەيئىلەردىن ۋە زۆرۈر ھاجەتلەردىن تامامەن قول ئۈزۈش تەسەۋۋۇرغا سىغمايدۇ. لېكىن، يەڭگىللەشتۈرۈش ۋە ئازايتىشنى تەسەۋۋۇر قىلماق مۇمكىن. قەلبىدە ۋە كۆڭلىدە دۇنيا يۈكىنى يەڭگىل / ئاز قىلغۇچىلار نىجات تاپىدۇ، يۈكى ئېغىرلار ھالاك بولىدۇ. ئەڭ چوڭ. غايىسى دۇنيا بولمىغان كىشى قەلبىدىكى دۇنيا يۈكى يەڭگىل كىشىدۇر

مۇباھ سەپەر توغرىسىدا

تاماشا قاتارلىق- كەيپىياتنى تەڭشەش، كۆڭۈللۈك ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ۋە سەير نىيەتلەردە قىلىنغان بەزىبىر سەپەرلەر مۇباھ سەپەرلەردۇر. زېمىندا ھېچقانداق. مەقسەت ۋە نىشانسىز كېزىش چەكلەنگەندۇر

نىڭ رىۋايەت— ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن— ئىشىتتۇقكى، تاۋۇس قىلىشچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىسلامدا تەركىدۇنيا، رەددى نىكاھ ۋە جاھانكەزدىلىك بىلەن ئىبادەت قىلىش يوقتۇر» دېگەن. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇر: ھەنبەل «جاھانكەزدىلىك بىلەن ئىبادەت قىلىش ئىسلامدا ئەسلا يوقتۇر، شۇنداقلا. پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىنىمۇ ئەمەس» دېگەن

ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپەر دىققەتنى چاچىدۇ، شۇڭا ئاخىرەتنى كۆزلىگۈچى (مۇرىد) پەقەت ئىلىم تەلەپ قىلىش ياكى ئۆزىگە ئۆرنەك ئالغان بىرەر پىرنى كۆرۈش ئۈچۈنلا سەپەر قىلىشى لازىم.

سەپەرنىڭ ھەج پائالىيەتلىرى ۋە باشقا بابلاردا تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر :ئەدەبلىرى باردۇر، شۇ قاتارىدىن: زۇلۇم قىلىپ باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئېلىۋالغان بولسا ئۇلارنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش، قەرزنى ئادا قىلىش، نەپىقىسى ئۆز زىممىسىدىكى كىشىلەرنىڭ نەپىقىسىنى تەييار قىلىش ۋە ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن سەپەرنى باشلاش؛

يەنە: سالىھ ھەمراھ تاللاش، ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلىرى بىلەن خوشلىشىش؛

يەنە: ئىستىخارە نامىزى ئوقۇش ۋە سەپەرگە پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن چىقىش؛

يەنە: يالغۇز سەپەرگە چىقماسلىق، كۆپىنچە كېچىدە يول يۈرۈش، بىرەر مەنزىلگە يېتىپ كەلسە، ئېگىز جايغا چىقسا ياكى تاغ جىلغىسىغا كىرسە زىكىر ۋە دۇئالارنى ئوقۇشقا بىپەرۋالىق قىلماسلىق؛

ۋە يەنە: يېنىدا مىسۋاك، تارغاق، ئەينەك، سۈرمە كەبى پايدىلىق نەرسىلەرنى

ئوسمان! شۈبھىسىزكى، مەن رۇھبانچە بىر تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بۇيرۇلمىدىم…›» بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى كۈچلۈكتۇر. ئىمام ئەھمەد (6/226) بۇ ھەدىسنى ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. ئۇرۋە مۇنداق دېگەن: «ئوسمان ئىبنى مەزئۇننىڭ ئايالى ئۈستى بېشى ئاۋارە بىر ھالدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىردى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ،‹نېمە بولدى› دەپ سورىدى. ئۇ ئايال جاۋابەن: ‹ئېرىم كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن كۈندۈزلەرنى روزا بىلەن ئۆتكۈزمەكتە› دېدى. بۇ ئەسنادا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىرىپ قالدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەھۋالنى يەتكۈزدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوسماننى كۆرگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ‹ئەي ئوسمان! رۇھبانلىق بىزگە پەرز قىلىنمىدى. مەندە سەن ئۈچۈن بىر ئۈلگىلىك ئەھۋال يوقمۇ؟›» بۇ ھەدىسنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرى ئىشەنچىلىكتۇر. لېكىن مەزكۇر ھەدىستىكى مەزمۇنلار ئايەت ۋە باشقا سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن توغرا مەزمۇنلاردۇر. مۇرىد: تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ، ھەقنى تونۇشنى ئىرادە قىلغان ۋە تەسەۋۋۇف يولىدا. مېڭىشنى قارار قىلىپ، ئۆزىنى تەرىقەت پىرىنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرغان كىشىدۇر. ئېلىۋېلىش قاتارلىقلار

سەپەر قىلغۇچىنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلار. سەپەرگە چىققۇچى دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن يېنىدا ئوزۇق ئېلىۋېلىشى كېرەك . كېرەكلەر دۇنيا ئوزۇقىدىندۇر– يېگۈلۈك، ئىچكۈلۈك ۋە ئېھتىياج چۈشكۈسى لازىم

تۈلۈك بىھاجەت– «مەن سەپەرگە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ چىقىمەن، ئوزۇق تۈلۈك- دېمەسلىك كېرەك. بۇنداق دېيىش جاھىللىقتۇر. چۈنكى، ئوزۇق. ئېلىۋېلىش ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشقا زىت ئەمەستۇر

ئاخىرەت ئوزۇقى بولسا تاھارەت ئېلىش، ناماز ئوقۇش ۋە ئىبادەت قىلىشتا، ئېھتىياج چۈشىدىغان ئىلىمدۇر. شۇنداقلا سەپەردە نامازنى قەسىر قىلىش جەملەش، روزا تۇتماسلىق، مەسىھ ۋە تەيەممۇمنىڭ مۇددىتى، ھەرىكەت ھالىدا نەپلە ناماز ئوقۇشقا ئوخشاش سەپەردە رۇخسەت قىلىنىدىغان ئىشلارنى بىلىشىمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى فىقھ كىتابلىرىدا شەرتلىرى بىلەن بايان. قىلىنغان

مۇساپىر سەپەر جەريانىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنى، يەنى قىبلە ۋە ناماز ۋاقىتلىرىنى بىلىشى كېرەك. چۈنكى، بۇلارنى بىلىش مۇقىم تۇرغانغا قارىغاندا. سەپەردە بەكرەك تەكىتلىنىدۇ

قىبلىنى قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار(نىڭ ئورنى)، شاماللار، سۇلار، تاغلار ۋە (نىڭ يۆنىلىشىگە) قاراپ بەلگىلەش مۇمكىن. (چوڭ) تاغلارنىڭ قىبلەسامانيولى . بۇلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا بايانتامان يۈزلىنىشىگە قاراپمۇ بىلگىلى بولىدۇ .قىلىنىدۇ

سامانيولى بولسا كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدا (شامدا) ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ سول مۈرىسى

بۇ ئېھتىياجلار ۋاقىت ۋە سەپەرلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. چۈنكى، ھەربىر. سەپەرنىڭ ئېھتىياجلىق بۇيۇملىرى بولىدۇ جوم / َجَمَمََّرٌّةٌ درب ا تلبان ة): بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇياش أم انل( سامانيولى

سىستېمىسى جايلاشقان يۇلتۇز تۈركۈمى بولۇپ، ھاۋا ئوچۇق ۋە بولۇپمۇ قاتتىق ئايدىڭ ئەمەس كېچىلەردا كۆك يۈزدە پەيدا بولىدىغان، كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن بولغان، ئەمما تەپسىلىي . ت— ۋە ئېنىق كۆرۈش مۇمكىن بولمىغان يۇلتۇزلاردىن تەشكىل تاپقان تۇمانلىق بىر بەلۋاغ (قىبلىنى قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار بىلەن بېكىتىش ھەققىدە «6ئەنئام-97»؛ «16نەھل-16»

«10يۇنۇس-5» ئايىتى كەلگەن بولغاچقا، بۇ ھەقتە ئىجمائ بار. ئۇندىن باشقا شامال يۆنىلىشى، چوڭ دەريالارنىڭ ئېقىن يۆنىلىشى ۋە چوڭ تاغ تىزمىلىرىنىڭ يۈزلىرى، يەنى .يامىشىپ چىققىلى بولىدىغان تەرىپى ئارقىلىق بىلىشمۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە جائىز، ئۈستىدە قىبلە تەرەپكە سوزۇلغان بولىدۇ. ئاندىن باش تەرىپى ئېگىلىپ. كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە توغرا كېلىدۇ .سامانيولى يەنە «ئاسماننىڭ چىراغلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ

ناماز ۋاقىتلىرىنى بىلىش بەك مۇھىمدۇر. پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن قايرىلىش تۈز بىر تاياقنى تىكىدۇ— كۈن تىكلەنگەن مەھەلدە— بىلەن كىرىدۇ. مۇساپىر دە، تاياق سايىسىنىڭ ئۇچىغا ئىشارەت قويىدۇ ۋە قارايدۇ: ئەگەر سايە- ئۆزگەرمىگەن بولسا، پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرمىگەن بولىدۇ. ئەگەر سايە قايغان / ئۇزرىغان بولسا، كۈن قايرىلىپ، پېشىننىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ. بۇ دەل پېشىن نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىدۇر. پېشىن نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ھەرنەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىگە تەڭلەشكەنگە قەدەردۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسىر . ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ھەرنەرسىنىڭنامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى كىرىدۇ .سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولغانغا قەدەردۇر

ئىمام ئەھمەدتىن — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — رىۋايەت قىلىنىدۇكى: )ئەسىر نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى كۈن سارغايغۇچە؛ كۈن سارغايغاندا (ئەسىرنىڭ ئەۋزەل ۋاقتى كېتىدۇ، (لېكىن) كۈن پېتىشتىن ئالدىنقى ۋاقىت ئوقۇۋېلىش. دۇرۇس ۋاقىتتۇر. قالغان نامازلارنىڭ ۋاقتى ئېنىقتۇر

بۇلار تامامەن شام ۋە ئەتراپىدىكى دىيارلار ئۈچۈندۇر. يەمەن، مىسىر ۋە شەرقتىكى كىشىلەرگە سامانيولى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغاندىن باشقىچە كۆرۈنىدۇ پېشىن نامىزىنىڭ كىرىدىغان ۋاقتى ھەققىدە ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق، ئەمما چىقىپ.

كېتىدىغان ۋاقتى توغرىسىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنى ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرىدىن ئىمام ئەبۇ يۈسۈف بىلەن ئىمام مۇھەممەدنىڭ قارىشىدۇر. ئەمما، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا پېشىن نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ھەرنەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىدىن ئىككى ھەسسىسىگە .يەتكۈچە بولۇپ، ئىككى ھەسسىگە يەتكەندە پېشىن ۋاقتى چىقىپ، ئەسىر ۋاقتى كىرىدۇ .ئەمما ھەنەفىي مەزھەبتە ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى كۈن توقىچى تولۇق پاتقانغا قەدەردۇر

بۇنىڭ دەلىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كۈن پاتقانغا قەدەر ئەسىر نامىزىنى قولدىن بېرىپ قويغان كىشى خۇددى بالا-چاقىلىرى ۋە پۇل-ماللىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ يالغۇز قالدۇرۇلغان كىشىگە ئوخشايدۇ» دېگەن ھەدىسىدۇر.

ئىزاھاتلار:

  • ت— .204/29 ،»«تاجۇلئەرۇس
  • شائىر ئەبۇ تاييىپ ئەھمەد ئەلمۇتەنەببىينىڭ بىر بېيىتى. ۋاھىدىي: «شەرھۇ دىۋانىل . بەت»

ئون ئۈچىنچى بۆلۈم: ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش توغرىسىدا

بۆلۈم: “ئون ئۈچىنچى بۆلۈم: ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش توغرىسىدا”

بىلگىنكى، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش (ئەمر بىلمەئرۇف ۋە نەھىي ئەنىلمۇنكەر) دىننىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى قىلىشقا بۇيرۇغان مۇھىم ئىشتۇر. ئەگەر ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە ئاستا يوقىلىدۇ ۋە بۇزۇقچىلىق- يامانلىقتىن توسۇش تەرك ئېتىلسە، دىن ئاستا «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك : يۇرتلار خاراب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا- يېيىلىپ، ئەل ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان. دەيدۇ «3ئال ئىمران-104» بىر جامائە بولسۇن! ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر مەزكۇر ئايەت بۇنىڭ پەرز ئەين ئەمەس، بەلكى پەرز كۇپايە ئىكەنلىكىنى بايان دېيىلدى، «ھەممىڭلار ياخشىلىققا» بولسۇن… «ئاراڭلاردا، قىلماقتا. چۈنكى بۇيرىغۇچى بولۇڭلار» دېيىلمىدى. شۇڭا، يېتەرلىك ساندىكى كىشىلەر بۇ ئەمەلنى ئورۇندىسا، قالغانلارنىڭ گەدىنىدىن ساقىت بولىدۇ. ئاللاھ تائالا نىجاتلىقنى مانا شۇ ئەمەلنى قىلغۇچىلارغا خاس قىلدى. ئۇلۇغ قۇرئاندا ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە .يامانلىقتىن توسۇشقا دائىر كۆپ ئايەتلەر بار

نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە :قىلغۇچى بىلەن خىلاپلىق قىلغۇچى گوياكى، بىر كېمىدىكى كىشىلەرگە ئوخشايدۇ ئۇلار (ئۆزئارا) چەك تاشلاپ، بىر تۈركۈمى كېمىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە، يەنە .بىر تۈركۈمى كېمىنىڭ ئاستىنقى ۋە تولىمۇ ناچار قەۋىتىگە ئورۇنلاشتى ئاسىتىدىكىلەر سۇ ئىشلەتمەكچى بولسا، ئۈستىدىكىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتەتتى ۋە ئۇلارنى ئاۋارە قىلاتتى. شۇڭا، ئۇلار: ‹ئەگەر بىز مۇشۇ جايىمىزدىنلا بىر تۆشۈك ئېچىۋېلىپ، سۇنى مەشەدىلا ئالساق ۋە ئۈستىدىكىلەرنى ئاۋارە قىلمىغان بولساق، ياخشى بولاتتى› دېيىشتى. ئەگەر ئۈستىدىكىلەر ئۇلارنى شۇ نىيىتىدىن توسمىسا، ھەممەيلەن ھالاك بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى قولىدىن تۇتۇپ توسۇۋالسا.»ھەممە بىردەك قۇتۇلۇپ قالىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم.

يامان ئىشلارنى ئىنكار قىلىش مەرتىۋىلىرى ۋە بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ھەدىسلەر

بۆلۈم: “يامان ئىشلارنى ئىنكار قىلىش مەرتىۋىلىرى ۋە بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ھەدىسلەر”

مۇسلىم رىۋايەت قىلغان مەشھۇر بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قايسىبىرىڭلار يامان ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن؛ ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن توسسۇن؛ ئۇنىڭغىمۇ قادىر.»بولالمىسا، قەلبىدە نارازى بولسۇن! بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز دەرىجىسىدۇر

باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق كېلىدۇ: «جىھادنىڭ ئەۋزىلى زالىم پادىشاھنىڭ.»ئالدىدا ھەق گەپنى قىلىشتۇر

›!يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كېلىدۇ: «ئۈممىتىمنى زالىمغا ‹سەن زالىم.»دېيىشتىن قورققان ھالەتتە كۆرسەڭ، ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشىدىن ئۈمىد ئۈزگىن

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا !«ئى مۇئمىنلەر :ھەمدۇسانا ئوقۇدى ئاندىن: «ئى خالايىق! ھەقىقەتەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى ، دېگەن بۇ ئايەتنى ئوقۇيسىلەر. ھالبۇكى «5مائىدە-105» سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ئەگەر كىشىلەر يامان ئىشنى كۆرۈپ، ئۇنى توسمىسا، پات ئارىدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇميۈزلۈك . دېگەن»ئازابلايدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «يا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇيسىلەر ياكى بولمىسا ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ يامانلىرىڭلارنى ياخشىلىرىڭلارغا ھۆكۈمران قىلىدۇ-دە، سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار دۇئا قىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنمايدۇ».

ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ئاساسلىرى، شەرتلىرى، دەرىجىلىرى ئەدەبلىرى ۋەھاكازا مەسىلىلەر

بۆلۈم: “ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ئاساسلىرى، شەرتلىرى، دەرىجىلىرى ئەدەبلىرى ۋەھاكازا مەسىلىلەر”

بىلگىنكى، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشنىڭ تۆرت ئاساسى :باردۇر

يامانلىقتىن توسقۇچى شەرىئەت ئەھكاملىرى زىممىسىگە :بىرىنچى ئاساس قۇۋۋەتكە ئىگە- يۈكلەنگەن، مۇسۇلمان ۋە شۇ ئىشنى ئورۇندىيالىغۇدەك كۈچ. كىشى بولۇشى

قارىنى پەرق- بۇ، يامانلىقتىن توسۇش ۋاجىب بولۇشىنىڭ شەرتىدۇر. ئاق ئېتەلىگۈدەك ياشمۇ يامانلىقتىن توسۇپ ساۋابقا ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭغا. ۋاجىب ئەمەس

بىر قىسىم كىشىلەر مۇنكەر ئىشنى توسقۇچى ئۈچۈن ئادالەتلىك، سالىھ كىشى بولۇشنى شەرت قوشۇپ، «پاسىق كىشىنىڭ مۇنكەردىن توسۇشى ناتوغرا» دەپ «سىلەر باشقىلارنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى :قارىدى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دېگەن ئايىتىنى دەلىل قىلدى. بۇ ئايەتتە تايىنىدىغان «2بەقەرە-44» ئۇنتۇمسىلەر؟ .دەلىل يوقتۇر

يەنە بىر قىسىملار «يامانلىقتىن توسقۇچىنىڭ ھۆكۈمدار ياكى ئىدارىي ماقاملار تەرەپتىن رۇخسەت بېرىلگەن ئادەم بولۇشى كېرەك» دېگەن شەرتنى قويۇش، بىلەن بىرگە ئاۋام خەلقنىڭ ئۆزلۈكىدىن يامانلىقتىن توسۇشىنى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىدى. بۇ ئىناۋەتسىز گەپ. چۈنكى، ئايەتلەر ئومۇمىيدۇر، مۇنكەر ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى توسماي سۈكۈت قىلغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاسىي ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇڭا، مۇنكەرنى توسۇشنى ھۆكۈمدارنىڭ رۇخسىتىگە .باغلاپ قويۇش ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر

رافىزىيلەرنىڭ تېخىمۇ ھەددىن ئېشىپ پاك ئىمام چىقمىغۇچە، ياخشىلىققا بۇيرۇش دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكتۇر. ئۇلار ئېغىز ئۇپرىتىشقا ئەرزىمەيدىغان كىشىلەردۇر. لېكىن، ئۇلار ھەقلىرىنى تەلەپ :قىلىپ قازىنىڭ ئالدىغا كەلگۈدەك بولسا، ئۇلارغا بېرىلىدىغان جاۋاب شۇكى «سىلەرگە ياردەم بېرىش ياخشىلىققا بۇيرۇغانلىق ۋە سىلەرگە زۇلۇم قىلغان. كىشىلەرنىڭ قولىدىن ھەققىڭلارنى ئېلىپ بېرىش يامانلىقتىن توسقانلىق بولىدۇ .»لېكىن، تېخى بۇنىڭ ۋاقتى ئەمەس، چۈنكى بىغۇبار ئىمام تېخى چىقمىدى

ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇشتا ئاگاھلاندۇرغۇچىنىڭ:ئېتىراز ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىدىن ئۈستۈن ۋە باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى تەقەززا قىلىدۇ، شۇڭا

بىر كافىرنىڭ بىر مۇسۇلمانغا— ياخشىلىققا بۇيرۇش ھەق بولۇشىغا قارىماي— ئەمرىمەئرۇف قىلىشى ماقۇل كۆرۈلمىگەن. ئەھۋال بۇنداق بولغان ئىكەن، ھۆكۈمدار ياكى ئىدارىي ماقاملار تەرىپىدىن تەيىنلەنمىگۈچە پۇقرالار شەخس سۈپىتىدە .ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر قىلمايدۇ

، بىر كافىرنىڭ بىر مۇسۇلماننى ئاگاھلاندۇرۇش ھەققى يوق. چۈنكى:جاۋاب ئاگاھلاندۇرۇشتا ئاگاھلاندۇرغۇچىنىڭ ھوقۇقىي ئۈستۈنلۈكى ۋە ئىززىتى بولۇشى - كېرەك. ئەمما، مۇسۇلمانلار دىنى ۋە ئىلمى بائىس شەخس سۈپىتىدە ئايرىم.»ئايرىم بۇ ئىززەتكە ئىگە

بىلگىنكى، كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بەش مەرتىۋىسى باردۇر:

  1. چۈشەندۈرۈش؛
  2. يۇمشاق سۆزلەر بىلەن ۋەز-نەسىھەت قىلىش؛
  3. ئېغىر گەپ قىلىش ۋە قاتتىق تېگىش؛ ئېغىر گەپ دېگىنىمىز تىل-ھاقارەت قىلىش ئەمەس، بەلكى: «ئى نادان! ئى ئەخمەق! ئاللاھتىن قورقمامسەن?!» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن قاتتىق تېگىشتۇر.
  4. كۈچ بىلەن چەكلەش؛ يەنى چالغۇ ئەسۋابلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلاش ۋە ھارىقىنى تۆكۈۋېتىش ۋەھاكازا؛
  5. قورقۇتۇش، ئۇرۇش بىلەن تەھدىت سېلىش ياكى قىلىۋاتقان مۇنكەر ئىشىنى تاشلىشى ئۈچۈن راست ئۇرۇش؛ يۇقىرىقىلاردىن پەقەت مۇشۇلا ئىدارىي رۇخسەتكە باغلىقتۇر. چۈنكى، بۇنىڭدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلىش پىتنىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

سەلەف سالىھلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلارنى دائىما ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلىۋېلىشى بۇ ھەقتە تەيىنلىنىش ۋە رۇخسەت بېرىلىش بىھاجەت. ئىكەنلىككە ئىجمائ قىلغانلىقىنىڭ كەسكىن ئىسپاتىدۇر

بالا ئاتىسىنى، قۇل خوجايىنىنى، ئايال ئېرىنى ۋە پۇقرا ۋالىينى:سوئال ئاگاھلاندۇرسا بولامدۇ؟

ھەربىر كىشىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. يۇقىرىدا:جاۋاب ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بەش مەرتىۋىسىنى بايان قىلغىنىمىزدەك، بالىنىڭ بۇ ھەقتە ئاتىسىغا چۈشەندۈرۈش، ئاندىن ئۈگۈت بېرىش ۋە سىپايىلىك بىلەن نەسىھەت. قىلىش ۋەزىپىسى بار

بەشىنچى مەرتىۋىگە بىنائەن، بالا (ئاتىسىنىڭ) چالغۇسىنى سۇندۇرۇپ ۋە ،ھارىقىنى تۆكۈپ تۇرۇپ توسقۇنلۇق قىلىش ھەققىگە ئىگە. قۇل خوجايىنىنى .ئايال ئېرىنى ئاگاھلاندۇرۇشتىمۇ بۇ تەرتىپ ئاساس ئېلىنىدۇ پۇقرانىڭ ھۆكۈمدارنى ئاگاھلاندۇرۇشىدا ئەھۋال بالىغا قارىغاندا قاتتىقراقتۇر پۇقرا ھۆكۈمدارغا قارىتا پەقەت چۈشەندۈرۈپ، نەسىھەتلا قىلالايدۇ. مۇنكەرنى ئىنكار قىلىشتا كىشىنىڭ شۇنىڭغا كۈچى يېتىدىغان بولۇشى شەرتتۇر. كۈچى يەتمەيدىغان كىشى مۇنكەرنى پەقەت قەلبى بىلەن ئىنكار قىلىدۇ. ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقى ھېسسىي ئاجىزلىق بائىس ساقىت بولمايدۇ. بەلكى ھېسسىي ئاجىزلىققا ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن بىرەر يامانلىق يېتىشىدىن قورقۇش قوشۇلسا، مانا بۇ .ئاجىز كەلگۈچىدۇر.

ئاگاھلاندۇرۇشنى تەقەززا قىلىدىغان شەرتلەر

بۆلۈم: “ئاگاھلاندۇرۇشنى تەقەززا قىلىدىغان شەرتلەر”

مانا شۇنىڭدەك، كىشى يامانلىقنى چەكلىسە / ئاگاھلاندۇرسا، بەرىبىر :بىھۇدىلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا تۆۋەندىكى تۆت ھالەتتىن بىرى بىلەن يۈزلىشىدۇ

زەخمەت- مۇنكەرنى ئىنكار قىلغۇچى ئۆزىگە ھېچبىر زىيان: ھالەت-1 ،يەتمەي، سۆزى ياكى ھەرىكىتى بىلەن مۇنكەرنى يوق قىلالايدىغانلىقىنى بىلسە .بۇ ھالدا مۇنكەرنى ئىنكار قىلىش ئۇنىڭغا ۋاجىبتۇر

سۆزلىسىمۇ پايدىسى يوقلۇقىنى ۋە قىلغان گېپى ئۈچۈن تاياق: ھالەت-2 يەيدىغانلىقىنى بىلسە، مۇنكەرنى ئىنكار قىلىش ۋاجىبىسى گەدىنىدىن ساقىت. بولىدۇ

كىشى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى بىلسە، شۇنداقلا: ھالەت-3 شۇ ئىشى سەۋەبلىك يولۇققۇسى ھەرقانداق پېشكەللىكتىن قورقمىسىمۇ يەنىلا ئىنكار قىلىشنىڭ پايدىسى بولمىسا، بۇ ھالدا بىھۇدە زورۇقۇشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدىغان ئىش ۋاجىب بولمايدۇ، لېكىن دىننىڭ ئوچۇق ئەھكاملىرىنى تەكىتلەش ۋە دىننى ئەسلىتىش ئۈچۈن، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن. توسۇشى مۇستەھەبتۇر

مۇنكەرنى ئىنكار قىلغۇچى ئۆزىگە بىر پېشكەللىك يېتىشىنى: ھالەت-4 بىلىپ تۇرۇپ، بىر مۇنكەرنى ھەرىكىتى بىلەن يوق قىلالايدىغان بولسا، مەسىلەن ئۇدنى سۇندۇرغان ياكى ھاراقنى تۆكۈۋەتكەن سەۋەبلىك دۇمبالىنىدىغانلىقىنى بىلسە، بۇ ئەھۋالدا مۇنكەرنى ئىنكار قىلىش ۋاجىبلىقتىن قېلىپ، مۇستەھەب دەرىجىسىگە ئۆتىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ: «جىھادنىڭ ئەۋزىلى زالىم پادىشاھنىڭ. ئالدىدا ھەق گەپنى قىلىشتۇر» دېگەن

بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، كافىرلار سەپلىرىگە يالغۇز ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئۇرۇشۇشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىدە ھېچ ئىختىلاپ يوقتۇر. لېكىن، ئۇ خۇددى كافىرلار سېپىگە ئۆزىنى ئاتقان ئەماغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ كافىرلارغا ھېچقانداق زەربە بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ھارامدۇر. شۇنىڭدەك كىشى بىر پاسىقنى بىر قولىدا قەدەھ، يەنە بىر قولىدا قىلىچ تۇتقان ھالدا كۆرسە ۋە ئۇنى ئاگاھلاندۇرغۇدەك بولسا، ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ھېچ قايسى تەرەپتىن دىنغا پايدا كەلتۈرمەيدۇ. پەقەتلا يامانلىقنى توسۇپ يوق قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان ۋە ھەرىكىتى ئۈنۈم بېرىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ھەرىكەتكە ئۆتۈش مۇستەھەبتۇر. خۇددى كافىرلار سېپىگە ئۆزى يالغۇز ھۇجۇم …قىلغىنىدەك

ئەگەر كىشى مۇنكەرنى تەنقىد قىلسا، ئۆزى بىلەن بىرگە ئاداش ۋە ھەمراھلىرىدىن بىرەر كىمنىڭمۇ تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنىڭ تەنقىد قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ باشقا بىر يامانلىققا يول ئاچماي تۇرۇپ بىر يامانلىقنى يوقىتىشقا قادىر بولالماسلىق ھالىدۇر. بۇ ئەھۋال مۇنكەرنى تەنقىد. قىلىشقا قۇدرىتى يېتىش جۈملىسىدىن ئەمەستۇر

بۇ ياڭلىغ ھالەتلەردە «بىلسە» دەپ پەقەت كۈچى يېتىدىغانلىقنى كۆزدە بىر— ياكى يېقىنلىرىغا— تۇتماقتىمىز. ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇشتا بولسا ئۆزىگە پېشكەللىك يېتىشىگە كۆزى يەتكەن كىشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش ۋاجىب بىرەر پېشكەلچىلىك خەۋپى— ياكى يېقىنلىرىغا— بولمايدۇ. ئەگەر ئۆزىگە يوقلۇقىغا راۋۇرۇس كۆزى يەتسە، شۇ چاغدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇنىڭغا ۋاجىب بولىدۇ. بۇنىڭدا قورقۇنچاقلار، ئاددىي كلالا ۋە تەلۋە شىجائەتلىكلەر ئېتىبارغا. ئېلىنمايدۇ. بەلكى مۆتىدىل تەبىئەت ۋە ساغلام مىزاج ئىگىلىرى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ .بىز دەۋاتقان «پېشكەلچىلىك» دۇمبالىنىش ياكى ئۆلتۈرۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ تالاڭ قىلىنىشى ۋە يۈزىگە قارا سۈرۈلۈپ خەلق ئىچرە سازايى- مېلىنىڭ بۇلاڭ قىلىنىش قاتارلىقلارمۇ پېشكەلچىلىك جۈملىسىدىندۇر. مۇنكەرنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ قاتتىق كايىلىشى ۋە تىللىنىشى مۇنكەرنى ئەيىبلىمەي سۈكۈت قىلىشقا ئۆزرە بولالمايدۇ. چۈنكى، ياخشىلىققا بۇيرۇش ئاقىۋەتتە كۆپىنچە مۇشۇنداق ئىشلاردىن. خالىي بولمايدۇ.

ئاگاھلاندۇرۇلغۇسى مۇنكەر شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئوچۇق مەۋجۇت بولۇشى كېرەك:ئىككىنچى ئاساس. ئاشكارا ھالەتتە مەۋجۇد بولغان يامان ئىش بولغاي

مۇنكەر / يامانلىق: «شەرئەن قىلىش چەكلەنگەن ئىش» دېگەنلىكتۇر. مۇنكەر مەئسىيەتكە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇمدۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، بىر سەبىينىڭ ياكى ساراڭنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىشى ئۇ ھاراقنى تۆكۈۋېتىشى ۋە ئۇلارنى ھاراق ئىچىشتىن توسۇشى لازىم (ھالبۇكى، بۇ قىلىق ئۇلار ئۈچۈن بىر مەئسىيەت ئەمەستۇر). شۇنىڭدەك بىر ساراڭنىڭ بىر ساراڭ بىلەن ياكى بىر ھايۋان بىلەن زىنا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىشىنىڭمۇ ئۇنى بۇنىڭدىن. توسۇشى ۋاجىبتۇر

«شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇد بولغان يامان ئىش بولغاي» دېگەن سۆزىمىز ھاراق ئىچىشتىن ئاللىقاچان توختاپ بولغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان قىلىنىپ بولغان ئىشلارنى بۇ دائىرىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. چۈنكى، قىلىنىپ بولغان تەدبىر كۆرۈش ۋە جازالاش شەخسلەرنىڭ قولىدىكى- جىنايەتلەرگە قارىتا چارە ئىش ئەمەس. يەنە كېلەچەكتە مەۋجۇد بولىدىغان ئىشمۇ بۇنىڭ قاتارىغا سۆزىدىن كەچقۇرۇن ھاراق- تۇرقى ۋە گەپ- كىرمەيدۇ، بۇ خۇددى تەقى ئىچىش نىيىتى بارلىقى بىلىنگەن كىشىگە ئوخشاشتۇر. بۇنداق ئادەمگە پەقەت . نەسىھەت قىلىش بىلەنلا كۇپايە قىلىنسا بولىدۇ-ۋەز

، ئاشكارا ھالەتتە» دېگەن سۆزىمىزگە بىنائەن، دەرۋازىسىنى تاقاپ- «ئوچۇق، ھويلىسىدا مەخپىي گۇناھ قىلغان كىشى بۇنىڭ قاتارىدىن ئەمەس. چۈنكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى پايلاپ يۈرۈش جائىز ئەمەس. لېكىن، نەي ۋە ئۇدلارنىڭ ئاۋازلىرىغا ئوخشاش ھويلىنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ئەھۋالى ئاشكارىلىنىپ قالغان بولسا، ھويلىغا كىرسە ۋە چالغۇ ئەسۋاپلارنى سۇندۇرۇۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر ھاراق ھىدى تاشقىرىغىچە تارىغان بولسا، ئەڭ تونۇلغان قاراشتا، بۇنى تەنقىد قىلسا. بولىدۇ

ئەيىبلەنگۈسى مۇنكەرنىڭ، ئىجتىھاد قىلىنمىسىمۇ، مۇنكەرلىكى ئېنىق بولۇشى شەرتتۇر. ئىجتىھاد بىلەن بىلگىلى بولىدىغان مۇنكەرلەردە ئاگاھلاندۇرۇش قىلىنمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھەنەفىي مەزھىبىدىكى بىر كىشىنىڭ بىر شافىئىينىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمى ئاتالماي سويۇلغان ھايۋاننى يېيىشىنى ئەيىبلىمەسلىكى، ئوخشاشلا شافىئىي مەزھىبىدىكى بىر كىشىنىڭ بىر ھەنەفىينىڭ بىر نەبىز (ھۆل ئۈزۈم ۋە خورمىدىن ياسالغان شەربەت) نى مەست قىلمايدىغان

. تەنقىد قىلماسلىقى كېرەكدەرىجىدە ئازراق ئىچىشىنى

. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچى كىشىدە شۇ ئىللەت تېپىلغاي:ئۈچىنچى ئاساس

كىشى ئىنسانلىق سۈپىتىگە ئىگە بولسا بولدى، مۇكەللەف بولۇشى شەرت ئەمەس. خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، سەبىي ۋە ساراڭ بولغان. تەقدىردىمۇ مۇنكەردىن قايتۇرۇش كېرەك

بۇنىڭمۇ:تۆتىنچىسى ئاگاھلاندۇرغۇچىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساس :دەرىجە ۋە ئەدەبلىرى باردۇر

قىلىنغان مۇنكەر / يامان ئىشنى بىلىش. يەنى چالغۇ ئەسۋاب:بىرىنچى دەرىجە ،ئاۋازلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭتىڭلىماسلىق ھاراق پۇرىقىنى پۇراش ئۈچۈن تىمسىقلاپ يۈرمەسلىك، چالغۇنىڭ شەكلىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يوپۇقلارنى سىلاپ باقماسلىق ۋە خەقنىڭ ئۆيىدە بولۇۋاتقان قولۇملىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەسلىك- ئىشلارنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن قوشنا كېرەك. ئەكسىچە، ئەگەر ئەۋۋەلا ئىككى ھەققانىي ئادەم كېلىپ «پالانى ھاراق ئىچىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر قىلسا، شۇندىلا مۇنكەرنى قىلغۇچىنىڭ ئۆيىگە كىرسە ۋە .تەنقىدلىسە بولىدۇ

چۈشەندۈرۈش. چۈنكى، نادان كىشى بەزىدە مۇنكەرلىكىنى:ئىككىنچى دەرىجە ،بىلمەي بىر ئىشنى قىلىپ سالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ مۇنكەر ئىكەنلىكىنى بىلسە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىدۇ. شۇڭا، نادانغا يۇمشاقلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش، ۋاجىبتۇر. نادانغا مۇنداق سۆزلەر دېيىلىدۇ: «ئىنسان ئالىم بولۇپ تۇغۇلمايدۇ بىزمۇ شەرىئەت ئىشلىرىنى تاكى بىزگە ئالىملار ئۆگەتمىگۈچە بىلمەيتتۇق، بەلكىم مەھەللىڭىزدە ئالىم كەم بولسا كېرەك». ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمەي- سىزنىڭ يۇرت چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق يۇمشاق مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بىر مۇنكەرگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئوتتۇرىغا چىققۇسى بىر گۇناھتىن قېچىپ، ساقلىنىشقا قادىر تۇرۇپ، بىكاردىن بىكار بىر مۇسۇلمانغا ئەزىيەت بېرىدىغان بىر ھالەتكە گىرىپتار. بولغۇچى قاننى سۈيدۈك بىلەن يۇيغان بولىدۇ

نەسىھەت ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقۇتۇش بىلەن- ۋەز:ئۈچىنچى دەرىجە مۇنكەردىن توسۇش. مۇنكەر ئىشنى قىلغۇچىغا قاتتىق تەھدىت بىلەن كەلگەن، ھەنەفىي مەزھىبىدىكى كېيىنچە ئاساس قىلىنغان قاراش ئىمام مۇھەممەدنىڭ قارىشى بولۇپ

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭكىگە ئوخشاش. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئەبۇ يۈسۈف: «ئۇ شارابلارنى كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، غىزالىنىش ئۈچۈن مەست قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىچسە، ھارام . ت— . بەتلەر- 2654 ،- 2647 ،»ئەمەس» دەپ قارايدۇ. «كۇۋەيت فىقھ ئېنسىكلوپىدىيەسى

ئىزلىرى سۆزلەپ- ئاگاھلاندۇرۇشلار ئاڭلىتىلىدۇ ۋە سەلەف سالىھلەرنىڭ ئىش بېرىلىدۇ. بۇ ئەسنادا قوپلالىق قىلماي، ئاچچىقلانماي، يۇمشاقلىق ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بۇ يەردە ساقلىنىش كېرەك بولغان ناھايىتى چوڭ بىر ئاپەت باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئالىمنىڭ مۇنكەرنى چۈشەندۈرگەندە، ئۆزىنى ئىلمى .سەۋەبلىك ئۈستۈن، قارشى تەرەپنى بىلىمسىزلىكى تۈپەيلى تۆۋەن كۆرۈشىدۇر

بۇنداق كىشى بەئەينى باشقىلارنى ئوتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئوتقا ئاتقان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان نادانلىق ۋە دۆتلۈك بولۇپ، ئۇ شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشكۈچىدۇر. بۇنىڭ بىر ئۆلچىمى باردۇركى، ياخشىلىققا. بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچى شۇ ئۆلچەم بىلەن ئۆزىنى تارتىپ بېقىشى كېرەك ئۇ ئۆلچەم بولسا مۇنكەر ئىشنى قىلغۇچىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قول ئۈزۈشى ياكى بىراۋنىڭ نەسىھىتى بىلەن توختىشى مۇنكەرنى توسقۇچى ئۈچۈن ئۆزى توسقانلىقى سەۋەبلىك توختىغىنىدىن سۆيۈملۈك بولۇشى كېرەك. ياخشلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش كىشىگە قىيىن ۋە نەپسىگە ئېغىر كەلسىمۇ، شۇنداقلا ئىچىدە ،بۇنى باشقىلارنىڭ قىلىشىنى ياخشى كۆرسىمۇ، يەنىلا ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسسۇن! چۈنكى، ئۇنى قوزغىغۇچى ئامىل دىندۇر. ئەگەر دەل ھەۋىسىگە ئەگەشكەن بولىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ- ئەكسىچە بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاۋايى ئابرۇيىنى كۆتۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى قىلغان- مۇنكەرنى ئىنكار قىلىشىنى يۈز، بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئاللاھتىن قورقسۇن، ئەۋۋەلا ئۆزىنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ. يامانلىقتىن توسسۇن

داۋۇد ئەتتائىي رەھىمەھۇللاھقا:

ئەمىرلەرنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇغان ۋە مۇنكەر— : دېيىلگەنىدى، ئۇ— ئىشلاردىن توسقان كىشىگە قانداق قارايسەن؟

دېدى — ئۇ كىشىنىڭ قامچىلىنىشىدىن قورقىمەن—

كىشى ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلىسىچۇ؟—

. ئۇنىڭغا قىلىچ ئۇرۇلىشىدىن قورقىمەن—

ئۇ كىشى ئۇنىڭغىمۇ بەرداشلىق بېرەلىسىچۇ؟—

ئۇنىڭ يوشۇرۇن بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىدىن قورقىمەن، ئۇ بولسىمۇ— . ھاكاۋۇرلۇقتۇر- ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش

تۆرتىنچى دەرىجە: قاتتىق كايىش ۋە توڭ، يىرىك سۆزلەر بىلەن قوپلالىق قىلىش. يۇمشاقلىق بىلەن توسۇشتىن ئاجىز كەلگەن ۋە توسۇلغان كىشىنىڭ

نەسىھەتنى مەسخىرە قىلغانلىقى- مۇنكەر ئىشنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ۋە ۋەز ئاشكارا بولغان چاغدا ئاندىن بۇ دەرىجىگە يۆتكىلىنىدۇ. قاتتىق كايىش دېگىنىمىز ئاھانەت ۋە قۇرۇق تاپا قىلىش ئەمەس، بەلكى- مۇنكەر ئىشنى قىلغۇچىغا ئىزا »!ئۇنىڭغا: «ھەي پاسىق! ھەي ئەخمەق! ھەي جاھىل! ئاللاھتىن قورقمامسەن؟ :دېيىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ھېكايە قىلىپ مۇنداق دېگەن «سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟» «21ئەنبىيائ-67»

بەشىنچى دەرىجە: ھەرىكەت بىلەن ئۆزگەرتىش. يەنى چالغۇ ئەسۋابلارنى شارابنى تۆكۈش، زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىنغان ئۆيدىن- سۇندۇرۇش، ھاراق :زومىگەرنى چىقىرىۋېتىش دېگەندەكلەر. بۇ دەرىجىدە ئىككى ئەدەب باردۇر

  1. ئىنكار قىلغۇچى مۇنكەر ئىشنى قىلغۇچىنى بىرەر بۇيرۇق بىلەن ۋاز كەچۈرگۈزەلىگۈدەك كۈچكە ئىگە بولسا، ئاتايىن ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكى كېرەك؛ يەنى ئىنكار قىلغۇچى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىنغان زېمىندىن ئىگىلىۋالغۇچىنى بىر بۇيرۇق بىلەن چىقىرىۋېتەلىگەن تەقدىردە، يەنە قول سېلىپ قارشى تەرەپنى سۆرەپ، ئىتتىرىشكە بولمايدۇ.

  2. چالغۇ ئەسۋابلارنى قايتا چالغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە سۇندۇرۇپ تاشلاش، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، مەي-شارابلارنى تۆككەندە ئىمكانقەدەر كۈپلەرنى سۇندۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر ھاراق كۈپىنى تاش ۋە شۇ قاتارى نەرسىلەر بىلەن ئۇرۇپ چاقماي ھاراقنى تۆككىلى بولمىسا سۇندۇرسا بولىدۇ، كۈپ ياكى قىممىتى تۆلەنمەيدۇ. ئەگەر تۆكۈلگۈسى ھاراقنى بىراۋ قولى .بىلەن يېپىۋالغان بولسا، تۆكۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككى قولىغا ئۇرسا بولىدۇ ئەگەر ھاراق شېشىسىنىڭ ئاغزى كىچىك، تۆكۈش قواليسىز، ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان ۋە تۆكۈپ بولغۇچە پاسىقلار كىشىنى تېپىۋېلىش خەۋپى بولسا شېشىنى سۇندۇرۋەتسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۆزرىدۇر. شۇنىڭدەك ئەگەر شېشە تۈپەيلى ھاراق تۆكۈش كۆپ ۋاقىت ئالىدىغان ۋە كىشىنى ئىشلىرىدىن توسۇپ قويىدىغان. بولسا، پاسىقتىن ئېھتىيات قىلمىغان تەقدىردىمۇ، شېشىنى چېقىۋەتسە بولىدۇ ئەگەر «تەھدىت سېلىپ تۇرۇپ ھاراق شېشىسىنى سۇندۇرۇش، شۇنىڭدەك زورلۇق بىلەن ئىگەللىۋالغان زېمىندىن ئىگەللىۋالغۇچىنى چىقىرىشتا ھەيۋە قىلىپ تۇرۇپ سۆرەپ چىقىرىش دۇرۇس بولمامدۇ؟» دېيىلسە، جاۋابىمىز: بۇنداق قىلىش ۋالىيلارغا دۇرۇستۇر. ئۇنىڭدا ئىجتىھاد يولى مەخپىي بولغانلىقى ئۈچۈن يەككە .پۇقرانىڭ ئۇنداق قىلىشى دۇرۇس ئەمەس

ئالتىنچى دەرىجە: «بۇ ئىشىڭنى تاشلا! بولمىسا مۇنداق، مۇنداق قىلىمەن

دېيىش تەھدىت سېلىش ۋە قورقۇتۇشتۇر. مۇمكىن بولسا، بۇنى ئۇرۇشماي تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى بولسا، قىلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئىشلار بىلەن تەھدىت سالماسلىق، مەسىلەن «ئۆيۋاقاڭنى قۇرۇقداپ قويىمەن، ئايالىڭنى چۆرە قىلىمەن» دېگەندەك. چۈنكى، مۇنكەرنى ئىنكار قىلغۇچى بۇنداق گەپنى مەقسەتلىك دېگەن بولسا، بۇ ھارامدۇر، ئەگەر. مەقسەتسىز دېگەن بولسا يالغانچىلىقتۇر

يەتتىنچى دەرىجە: مۇنكەر ئىشنى قىلغۇچىنى قورال تەڭلەش دەرىجىسىگە تېپىش. بۇمۇ زۆرۈرىيەت ۋە ھاجەت- بارماي، قول ياكى پۇتلىرى بىلەن ئۇرۇش مىقدارى كۇپايىلىنىش شەرتى بىلەن ئاۋام خەلققە رۇخسەتتۇر. مۇنكەر ئىشتىن. يالتايغاندا، توختاش لازىم

، سەككىزىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز مۇنكەرگە قارشى چىقىشقا قادىر بولالمىسا ھەيۋە قىلىدىغان ياردەمچىلەرنى چاقىرىش. دەرۋەقە بەزىدە پاسىقمۇ- سۈر ياردەمچىلىرىنى چاقىرىپ، ئىش توپلىشىپ ئۇرۇشۇشقا ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن. «بۇ ئەھۋالدا رەسمىي ئورۇنلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك» دېگەن قاراش توغرىدۇر. چۈنكى، بۇ ھالەتتە رۇخسەتسىز ئىش قىلىش پىتنە ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ »قوزغىلىشىغا باھانە بولىدۇ. بەزىلەر: «بۇنىڭدا رەسمىي رۇخسەت شەرت ئەمەس. دەپمۇ قارايدۇ

ياخشلىققا بۇيرىغۇچى ۋە يامانلىقتىن توسقۇچىنىڭ سۈپەتلىرى

يۇقىرىدا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچىنىڭ ئەدەبلىرىنى تەپسىلى بايان قىلدۇق. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ياخشلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچىدا :بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەر ئۈچتۇر

  1. شەرئىي دائىرىدىن چىقىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ئورۇن ۋە چېك-چېگرالىرىنى بىلىش؛
  2. پەرھىزكار بولۇش؛ چۈنكى، كىشى بەزىدە بىرنەرسىنى بىلىپ تۇرۇپ مەلۇم مەقسەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماسلىقى مۇمكىن؛
  3. گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولۇش؛ ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاق ئىنساننىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. كىشىنىڭ تەبىئىتىدە گۈزەل ئەخلاق بولمىسا، غەزەپ قوزغلاغاندا ئۆزىنى بېسىۋېلىشتا پەرھىزكارلىق ۋە ئىلىم كۇپايە قىلمايدۇ. سەلەف سالىھلەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «ئۆزى بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا يۇمشاق سۆز قىلىدىغان، سەبرچان ۋە فەقىھ كىشىلا ياخشىلىققا.»بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدۇ

ياخشلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچىنىڭ ئەدەبلىرىدىن بىرى: كىشىلەر بىلەن ئاز ئالاقە قىلىش ۋە خۇشامەتگۇيلۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن، تەمەخورلۇقنى .تاشلاش

ھېكايە قىلىنىدۇكى، سەلەف سالىھلەردىن بىرىنىڭ بىر مۈشۈكى بولۇپ، ئۇ مۈشۈكى ئۈچۈن قاسساپ قوشنىسىدىن ھەركۈنى بەز ئالىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ دە، دەرھال ئۆيىگە كىرىپ- قاسساپنىڭ بىر بولمىغۇر قىلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ مۈشۈكىنى ئۆيىدىن قوغلىۋېتىپتۇ، ئاندىن قاسساپنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ :ھېلىقى قىلىقىنى ئەيىبلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قاسساپ

دېگەنىكەن، ئۇ— بۇندىن كېيىن مۈشۈكۈڭگە ھېچنەرسە بەرمەيمەن— :كىشى

— مەن ئەۋۋەلا سەندىن بىرنەرسە كۈتۈشنى تاشلاش ئۈچۈن بېرىپ مۈشۈكۈمنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئاندىن كېلىپ سېنى تەنقىد قىلىۋاتىمەن — دەپتۇ.

مانا بۇ توغرا بىر ھەرىكەتتۇر. چۈنكى، مۇنكەرنى ئەيىبلىگۈچى باشقىلاردىن مۇنۇ ئىككى تۈرلۈك تەمە ئېھتىمالىنى كېسىپ تاشلىمىغۇچە، خەقنى مۇنكەردىن :قايتۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ

  1. باشقىلاردىن ياخشىلىق تەمە قىلىشنى تاشلاش؛
  2. باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن رازى بولۇپلا قالماي ماختىشىنىمۇ تەمە قىلىشنى تاشلاش. ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشتا يۇمشاق سۆز قىلىش پەرزدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنى فىرئەۋنگە يۇمشاق سۆز قىلىشقا نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى- «ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز :ئەمر قىلغان «20تاھا-44» ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىنىڭ يېنىدىن. ئۆتتى، ئۇ بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان كىشى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى تىللاۋاتاتتى :ئەبۇددەردائ

ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر بۇ ئادەمنى بىر قۇدۇقنىڭ ئىچىدە كۆرسەڭلار، ئۇنى— : دېگەنىدى، ئۇلار— !قۇدۇقتىن چىقىرۋالمامتىڭلار؟

دېدى — ئەلبەتتە، چىقىرىۋالاتتۇق—

ئۇنداقتا قېرىندىشىڭلارنى تىللىماڭلار، سىلەرنى گۇناھتىن ساقلىغان ئاللاھ— !تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار

ئۇنىڭغا غەزەپلەنمەمسەن؟— پەقەت ئۇنىڭ ئەمىلىگە غەزەپلىنىمەن، ئۇ قىلغان گۇناھ ئەمىلىنى تاشلىسا— .ئۇ يەنىلا مېنىڭ قېرىندىشىمدۇر

بىر يىگىت تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىيىمى بىلەن يەر سۈپۈرۈپ ماڭدى، سىلە ئىبنى ئەشيەمنىڭ يارەنلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق كايىپ ئاھانەت قىلماقچى بولۇشقانىدى، سىلە ئىبنى ئەشيەم: «ئۇنى ماڭا قويۇڭلار! ئۇنىڭ قىلغان ئۇ :ئىشىغا ئۆزۈم كۇپايە قىلىمەن» دېدى. ئاندىن

ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! مېنىڭ سەندىن بىر تەلىپىم بار ئىدى، — :دېدى. يىگىت

دېدى — نېمە تەلەپ؟—

. تامبىلىڭنى يۇقىرىغا تارتقان بولساڭ سۆيۈنگەن بولاتتىم—

. ماقۇل، ئاللاھ سېنىڭ كۆزۈڭنى سۆيۈندۈرسۈن—

شۇنداق قىلىپ، ئۇ يىگىت تامبىلىنى يۇقىرىغا تارتىۋالدى. ئاندىن سىلە ، ئاھانەتتىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى- يارەنلىرىگە: «بۇ سىلەر قىلماقچى بولغان تىل سىلەر ئۇنى تىللىغان ۋە ئەزىيەت بەرگەن بولساڭلار، ئۇمۇ ئەلبەتتە سىلەرنى .تىللىغان بولاتتى» دېدى

ھەسەن رەھىمەھۇللاھ بىر تويغا چاقىرىلدى، تويدا ئۇنىڭ ئالدىغا كۈمۈش قاچىدا ھالۋا كەلتۈرۈلدى، ھەسەن قاچىنى قولىغا ئېلىپ ھالۋىنى نان ئۈسىتىگە تىنسىز يامانلىقتىن- تۆكتى ۋە يېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئادەم: «مانا بۇ ئۈن. توسۇش بولدى» دېدى

ئادەتلەر ئىچىدىكى ئەنئەنىلىشىپ كەتكەن مۇنكەرلەر ۋە ئەمىرلەر / سۇلتانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇش

بۇ بارىدا ئىككى پەسىل بايان قىلغايمىز:

بىرىنچى پەسىل: مۇنكەر ئىشلار

بىلگىنكى، ئادەتلەر ئىچىدىكى ئەنئەنىلىشىپ كەتكەن مۇنكەرلەرنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، بىز تۆۋەندە ئوخشاشلىرىغا دالالەت سۈپىتىدە .بىر قىسىم مۇنكەرلەرگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز

بۇلاردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

مەسجىدلەردە ساقلانغان مۇنكەر ئىشلار

مەسجىدلەردە تولا ئۇچرايدىغان خاتالىقلاردىن بىرى نامازنىڭ رۇكۇ ۋە .سەجدىلىرىدە ئارام ئېلىشنى تەرك قىلىپ، نامازنى ئەستايىدىل ئوقۇماسلىقتۇر نامازخاننىڭ كىيىمىگە يۇقۇشقان مەينەت نەرسىنى كۆرمەي قېلىشى، كۆزى كۆرمەسلىك ياكى قاراڭغۇلۇق سەۋەبلىك قىبلىنى ئاداشتۇرۇپ قويۇشقا ئوخشاش. نامازنىڭ دۇرۇسلۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارمۇ شۇ قاتاردىندۇر

قىرائەتنى لەھىن (خاتالىق) بىلەن ئوقۇش. مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىنىڭ بۇ مۇنكەرلەرنى تۈزىتىشكە تىرىشىشى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى .بېرىلىپ نەپلە ناماز ئوقۇغىنىدىن ئەۋزەلدۇر

مۇئەززىنلەرنىڭ ئەزاننى ئۇزارتىۋېتىشى، كەلىمىلەرنىڭ مەدلىرىنى بەك. سوزۇۋېتىشى

خۇتبە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈستىدە يىپەك كىيىم ياكى قولىدا ئالتۇندىن ھەل. بېرىلگەن قىلىچ بولۇشى

ياۋىداقلارنىڭ ئارىلىشىپ- مەسجىدلەردە سۆزلەنگەن قىسسەلەرگە يالغان. قېلىشى ۋە پىتنىگە سەۋەب بولغۇسى چەكلەنگەن تېمىلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشى، بۇنى توسۇش كېرەك.

، دەرمەك، يېمەكلىك، تۇمار سېتىش- جۈمە كۈنلىرى مەسجىدلەردە دورا تىلەمچلىك قىلىش ۋە شېئىرلارنى ئوقۇش ئۈچۈن ھەلقە بولۇۋېلىش ۋە بۇلارغا. ئوخشاش ئىشلار. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ھارام، بىر قىسمى مەكرۇھتۇر

بازارلاردىكى مۇنكەر ئىشلار

€ سېتىمدا يالغان ئېيتىش ۋە مالنىڭ- بۇ مۇنكەرلەردىن بىرى، ئېلىم ئەيىبىنى يوشۇرۇشتۇر. مەسىلەن، بىر كىشى «مەن بۇ مالنى ئون

تەڭگىگە ئالدىم، بىر تەڭگە پايدا بەرگىن» دېسە ۋە يالغان ئېيتقان بولسا، گۇناھكار بولىدۇ. بۇنى بىلگەن كىشىنىڭ خېرىدارغا ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى ۋاجىبتۇر. كىشى ساتقۇچىنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ خېرىدار ئالدىدا. سۈكۈت قىلغان بولسا، خىيانەتتە ساتقۇچى بىلەن شېرىك بولىدۇ شۇنىڭدەك مالنىڭ ئەيىبىنى بىلسە، سېتىۋالغۇچىغا بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك. شۇنىڭدەك تارازا ۋە ئۆلچەكتە چاتاق بارلىقىنى بىلگەن ھەركىمنىڭ يا ئۇنى ئۆزى ئوڭشىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك. ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىپ قويۇشى كېرەك

€

  • ناتوغرا شەرتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆسۈم ئارىلاشقان سودا. سېتىق، چالغۇ ئەسۋاب، ھەيكەل ۋە سۈرەتلەرنى سېتىش قاتارلىقلار

كويلاردىكى مۇنكەر ئىشلار- كوچا

€ كوچا ۋە رەستىلەردە سادىر بولىدىغان مۇنكەرلەردىن بىرى شەخسىي مۈلك بولغان بىنالارغا تۇتاشتۇرۇپ دۇكان سېلىش، يولنى كەچكەنلەرگە مالامەت تۇغدۇرىدىغان- تارايتىدىغان ۋە ئۆتكەن . دەرەخ تىكىشتۇر- دېرىزىلەر قويۇش ۋە دەل- دەرىجىدە ئىشىك ئۆيگە توشۇپ كېتىلىدىغان ئاشلىق ۋە ئوتۇنلارنى يولغا قويۇپ. قويۇش جائىزدۇر. چۈنكى، بۇنىڭغا ھەممەيلەننىڭ ئېھتىياجى بار

€ ۋە كىشىلەرگە بۇ مۇنكەر ئىش ااردىن يەنە بىرى يولنى تارايتىدىغان. ئەزىيەت بولىدىغان دەرىجىدە يولغا ھايۋانلارنى باغلاپ قويۇش بۇنداق قىلىشتىن توسۇش ۋاجىبتۇر. لېكىن، يولدا ئۇلاغدىن چۈشۈش ۋە مىنىشكە ئوخشاش ھاجەت مىقدارىدا ئۇلاغنى توختىتىش. ۋە باغلاش جائىزدۇر

€ ھايۋانلارغا كۆتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە يۈك ئارتىش.

€ يولغا ئەخلەت تاش ااش، تاۋۇز شاپاقلىرىنى چېچىش ياكى تېيىلىپ كېتىشتىن قورققۇدەك دەرىجىدە سۇ چېچىش قاتارلىقلارمۇ مۇنكەرلەر جۈملىسىدىندۇر. مۇئەييەن بىر نودىن تۆكۈلۈپ يىغىلىپ، قالغان مەينەت سۇنى نونىڭ ئىگىسى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك

دەۋرىمىزدە بولسا ماشىنا ۋە باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدىغان. دەرىجىدە قالايمىقان توختاتماسلىق لازىم

ئەگەر يىغىندى سۇ يامغۇر سۈيى بولسا، ئۇنى ھەل قىلىش خەلقنىڭ بولسا پەقەت نەسىھەت- مەمۇرلارنىڭ بۇرچىدۇر. ئاۋام. قىلىپ قويۇشىلا يېتەرلىكتۇر

ھامماملاردىكى مۇنكەر ئىشلار- مۇنچا

€ ئاممىۋى مۇنچىلاردىكى مۇنكەر ئىش ااردىن بىرى، مۇنچا ئىشىكىدە - ياكى ئىچكىرىدە ھايۋانات سۈرەتلىرىنىڭ بولۇشىدۇر. (جان جانىۋار تەسۋىرلەنگەن) سۈرەتلەرنىڭ يۈز قىسمىنى تونۇغىلى ،بولمىغۇدەك دەرىجىدە بۇزۇپ تاشلاش كۇپايە. سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ئۇنى يوقىتىشقا / بۇزۇپ تاشلاشقا قادىر بولالمىغان كىشىنىڭ ئۇ مۇنچىغا زۆرۈرىيەت بولمىسا كىرىشى دۇرۇس بولمايدۇ. بەلكى باشقا. مۇنكەر يوق مۇنچىغا بارىدۇ

ئەۋرەتلەرنىڭ ئېچىلىپ قېلىشى، باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش، تەللاك بەدەن يۇيغۇچى / ئۇۋۇلىغۇچىنىڭ ئۇۋۇلاپ قويۇشقا بۇيرىغۇچىنىڭ كىرىنى تازىلاش ياكى ئەۋرىتىنى تۇتۇش ئۈچۈن كىندىك بىلەن يوتا ئارىسىنى ئېچىشىمۇ .مۇنكەرلەردىندۇر

€ قولىنى ۋە نىجىس قاچىلارنى ئاز مىقداردىكى سۇغا تىقىشمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. مالىكىي مەزھەبتىكى كىشى تاھارەت ئالغاندا قولىنى ئاز مىقداردىكى سۇغا تىقسا، ئەيىب ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ قىلىپ: «تاھارەت ئېلىشتا ئۆز بېشمچىلىق قىلىش بىلەن ماڭا ئەزىيەت بەرمىسىڭىز بولامدۇ؟» دېيىش كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى .مۇنچىدىكى مۇنكەرلەردىندۇر

زىياپەتتىكى مۇنكەر ئىشلار

€ ئەرلەرگە يىپەك كۆرپىلەرنى سېلىپ بېرىش، ئالتۇن ياكى كۈمۈش چوغدانغا چوغ قويۇپ خۇش پۇراق سېلىش، ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئىچىش، ئالتۇن ياكى كۈمۈش قۇتىلاردىكى گۈل- قاچىلاردا يەپ سۈيىنى ئىشلىتىش، سۈرەت بار پەردىلەرنى ئېسىش، غەزەلخان ئاياللارنىڭ ناخشىلىرىغا، چالغۇلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش ۋە ئاياللارنىڭ زىيادە جەلپكار ياش يىگىتلەرگە قارىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زىياپەت سورۇنىدا بولىدىغان ۋە توسۇش ۋاجىب

بولىدىغان مۇنكەر ئىشلار بولۇپ، بۇلارنى توسۇشتىن ئاجىز كەلگەن. كىشى زىياپەتتىن چىقىپ كېتىشى لازىم

€ ياستۇق ۋە گىلەملەرگە چۈشۈرۈلگەن سۈرەتلەرگە كەلسەك، بۇ مۇنكەر ئىش ئەمەستۇر. شۇنىڭدەك ئاياللارغا سېلىنغان يىپەك كۆرپىلەر ۋە ئالتۇن زىبۇزىننەتلەرگە رۇخسەتتۇر. نارەسىدە قىزنىڭ قۇلىقىغا ئالتۇن، ھالقا سېلىش ئۈچۈن، قۇلىقىنى تېشىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى .ئۇ ئەلەم سالىدىغان جاراھەتلەندۈرۈش بولۇپ، دۇرۇس ئەمەستۇر نارەسىدە قىزلار مارجان ۋە بىلەيزۈكلەرنى تاقىسا شۇ كۇپايە. ھەق بېرىپ قۇلىقىنى تەشتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، بۇ ئىش ئۈچۈن ئېلىنغان. ھەق ھارامدۇر

€ ئۆزىنىڭ بىدئەت قىلمىشلىرىنى سۆزلەيدىغان بىدئەتەچى بىلەن ھەمزىياپەت بولۇشمۇ بۇ مۇنكەرلەر جۈملىسىدىندۇر. بۇنداق زىياپەتكە پەقەت ئۇ بىدئەتچىگە رەددىيە بېرەلەيدىغان كىشىنىڭلا، قاتنىشىشى دۇرۇستۇر. ئەگەر بىدئەتچى تەشۋىق قىلمىسا بىدئەتچىنىڭ يۈزىگە قارىمىغان ۋە ئۇنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ھالدا زىياپەتكە قاتنىشىشقا رۇخسەتتۇر. ئەگەر زىياپەتتە تېتىقسىز گەپ ۋە شەيتانلىقلار بىلەن كىشىلەرنى كۈلدۈرىدىغان ھەزىلكەش بولسا، ئۇ زىياپەتكە قاتنىشىش دۇرۇس ئەمەس، قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇنى تەنقىدلىشى ۋاجىبتۇر. ئەگەر ياۋىداقسىز ۋە ھاياكار چاقچاق بولسا، مۇمكىنقەدەر ئاز- يالغان بولغىنى ئەۋزەل. ھەزىلكەشلىكنى ئادەت ۋە كەسىپ قىلىۋېلىش. چەكلىنىدۇ

ئومۇمىي مۇنكەر ئىشلار

بازاردا بىر مۇنكەر ئىشنىڭ داۋاملىق ياكى مۇئەييەن بىر ۋاقىتتا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن كىشىنىڭ ئەگەر ئۇ مۇنكەرنى توسۇشقا قادىر تۇرۇپمۇ ئۆيىدە ئولتۇرۇۋېلىپ مۇنكەرنى توسۇش ۋەجىبەسىدىن باش تارتىشى دۇرۇس بولمايدۇ. بەلكى كىشى شۇ مۇنكەرنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر. بولغان تەقدىردىمۇ ئۆيىدىن مۇنكەرنى توسۇش ئۈچۈن چىقىشى كېرەك

بۇ ئىمام غەززالىي ۋە ئىبنۇلجەۋزىيدەك بىر قىىسم شافىئىي ۋە ھەنبەلىي فەقىھلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملار قۇلاق تەشتۈرۈشنى ۋە ئۇنىڭغا ھەق ئېلىشنى جائىز دەپ قارايدۇ.

ھەرقانداق مۇسۇلمان ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇشنى ئەۋۋەلا ئۆزىدىن باشلىشى كېرەك. يەنى كىشى پەرزلەرنى داۋاملىق قىلىش ۋە ھارام ئىشلارنى تاشلاش بىلەن ئۆز نەپسىنى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك. ئۇندىن كېيىن ياخشىلىقنى ئەھلىگە ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا، ئاندىن قوشنىلىرىغا ۋە مەھەللىسىدىكى كىشىلەرگە ئۆگىتىشى، ئاندىن شەھەر ئەھلىگە، ئاندىن دۇنيانىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىكى كىشىلەرگىچە يېيىشى كېرەك. ئەگەر بۇ مەسئۇلىيەتنى يېقىندىكى كىشىلەر ئورۇندىيالىسا، يىراقتىكىلەردىن ساقىت بولىدۇ. ئەگەر يېقىندىكىلەر. بۇنى ئورۇندىمىسا، بۇنى قىلالايدىغان ھەرقانداق كىشى مەسئۇلىيەت ئىگىسىدۇر

ئۇمەرا ۋە سۇلتانلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە ئۇلارنى- ئىككىنچى پەسىل: ئەمىر مۇنكەر ئىشلاردىن توسۇش

يۇقىرىدا ياخشىلىققا بۇيرۇش دەرىجىلىرىنى بايان قىلغانىدۇق. سۇلتانلارنى نەسىھەت- ياخشىلىققا بۇيرۇماقچى بولسا شۇ دەرىجىلەردىن چۈشەندۈرۈش ۋە ۋەز. قىلىشتىن ئىبارەت ئاۋۋالقى ئىككى دەرىجە بويىچە ئىش قىلىش مۇۋاپىقتۇر سۇلتانغا «ھەي زالىم! ئى ئاللاھتىن قورقمايدىغان ئىنسان!» دېگەندەك قوپلا سۆز قىلىشقا كەلسەك، ئەگەر بۇنداق قىلىش پىتنە قوزغاپ، ئاپىتى باشقىلارغىمۇ يېتىدىغان بولسا، بۇ توغرا ئەمەس. بەلكى شۇ سۆزنى قىلغۇچىدىن باشقىلارغا كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا— خەۋپ يەتمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلىسە . جائىزدۇر. مەن بولسام ھۆكۈمدارلارغا قوپلا سۆز سۆزلىمەسلىك تەرەپدارىمەن— چۈنكى، ئەسىل مەقسەت يامان ئىشنى يوقىتىشتۇر، يامانلىقتىن توسۇش ئۈچۈن سۇلتانغا قاتتىق تېگىش يوقىتىش مەقسەت قىلىنغان يامانلىقتىن چوڭراق يامانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇلتانلارغا يېقىنلىشىش ئۇلارنى ھۆرمەتلەش بىلەن بولىدۇ. ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاددىي بىر پۇقرادىن «ھەي زالىم! ھەي - ئاھانەت بىلىپ، سەبىر- پاسىق!» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىسا، بۇنى ئىزا. تاقەت قىلالمايدۇ

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ: «سۇلتانغا ئېتىراز بىلدۈرمە، چۈنكى ئۇنىڭ. شەمشىرى قىنىدىن سۇغۇرۇقلۇقتۇر» دېگەن

سەلەفلەر ئەمىرلەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈشەتتى. چۈنكى، ئەمىرلەر ئۇلارنى ئازادە سۆز قىلسا، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۇنى- ھۆرمەتلەيتتى، ئالىملار ئۇلارغا ئەركىن. كۆتۈرەتتى

ئۇمەرا ۋە خەلىپىلەرگە قىلغان نەسىھەتلىرىنى- سەلەف سالىھلەرنىڭ ئەمىر

«ئەلمىسباھۇل مۇزىئە» (السِّبَاحَةُ الْمُضِيئَةُ) دېگەن كىتابتا توپلىدىم. تۆۋەندە شۇيئۇ .كىتابتىن بىر نەچچە ھېكايىنى تاللاپ بايان قىلىمەن

سەئىد ئىبنى ئامىر ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خىتابەن: «مەن ساڭا ئىسلامنىڭ جەۋھىرى ۋە ئالامەتلىرىدىن بولمىش بەزى سۆزلەرنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن: كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشتا ئاللاھتىن قورققىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقىنىڭدا كىشىلەردىن قورقمىغىن؛ سۆزۈڭ بىلەن ھەرىكىتىڭ زىت بولمىسۇن، چۈنكى سۆزنىڭ ياخشىسى ئەمەل بىلەن قۇۋۋەتلەنگەن يېقىن- سۆزدۇر؛ ئۆزۈڭ ۋە ئائىلەڭگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى يىراق مۇسۇلمانلارغىمۇ ياخشى كۆرگىن؛ ھەق بىلگەن يولۇڭدا قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەرقارار ماڭغىن ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشتا مالامەتچىنىڭ :مالامىتىدىن قورقمىغىن» دېگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ

— ئى ئەبۇ سەئىد! بۇنىڭغا كىم قادىر بولالايدۇ؟ — دېگەنىدى، ئەبۇ سەئىد:

— بوينىغا خۇددى سېنىڭ بوينۇڭغا يۈكلەنگەن ۋەزىپىگە ئوخشاش ۋەزىپە يۈكلەنگەن كىشى — دەپ جاۋاب بەردى.

قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جارۇد بىلەن بىرگە مەسجىدتىن چىقتى، شۇ ئەسنادا يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر ئايالغا دۇچ كېلىشتى. ئۆمەر ئۇنىڭغا سالام قىلدى، ئۇ ئايال سالامغا جاۋاب قايتۇردى ياكى ئۇ ئايال ئۆمەرگە سالام قىلدى، ئۆمەر ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاب قايتۇردى. ئاندىن ئۇ ئايال: ‹ئى ئۆمەر! مەن سېنى ئۇكاز بازىرىدا كىچىك بالىلار، بىلەن چېلىشىۋاتقان، ”ئۆمەرچاق“ دەپ چاقىرىلىدىغان ۋاقتىڭدىلا تونۇيتتۇم ئۇزۇن ئۆتمەي سەن ”ئۆمەر“ دەپ ئاتلادىڭ، ئاندىن يەنە كۈنلەر ئۆتۈپ ”مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى“ دەپ ئاتلادىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەئىييەتنىڭ ئىشلىرىدا ئاللاھتىن قورققىن! بىلگىنكى، ئۆلۈمدىن قورققان كىشى پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىشىدىن قورقىدۇ› دېدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىغلاپ كەتتى. جارۇد: ‹ھەيھات! سىز مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە سۆزلەشكە جۈرئەت. قىلدىڭىز ۋە ئۇنى يىغلىتىۋەتتىڭىز› دېدى

ئۆمەر: ‹قوي! بۇ ئايالنى تونۇمامسەن؟ ئۇ ئايال خەۋلە بىنتى ھەكىمدۇر. ئاللاھ تائالا يەتتە ئاسماننىڭ ئۈستىدىن سۆزىنى ئاڭلىغان ئايالدۇر («58مۇجادىلە-1» ئايىتى كۆزدە تۇتۇلغان). ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى! ئۆمەر ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا بەك لايىقتۇر› دېدى.

،ئەزد قەبىلىسىدىن بىر مويسىپىت مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كىرىپ - مۇنداق نەسىھەت قىلدى: «ئى مۇئاۋىيە! ئاللاھتىن قورققىن! بىلگىنكى، كېلىپ كۈندۈز سېنى دۇنيادىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئاخىرەتكە- كېتىۋاتقان ھەر كېچە .يېقىنلاشتۇرىدۇ. سەن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىرسى ئىزىڭدىن تاپ بېسىپ كەلمەكتە ئالدىڭغا سەن ئۆتەلمەيدىغان بىر تاغ تىكلەنگەن، سېنىڭ تاغقا يېتىپ بېرىشىڭ ھە! سېنى قوغلىغۇچى ساڭا ناھايىتى تېز يېتىشىۋالىدۇ. بىز، سەن- نېمىدېگەن تېز ۋە باشقا بارچە نەرسىلەر ھامان يوقىلىمىز. بىز دەرگاھىغا بارىدىغان زات مەڭگۈ قالغۇچىدۇر. ئەگەر ياخشى ئەمەل قىلغان بولساق، ياخشىلىق بىلەن، يامان ئەمەل.»قىلغان بولساق، يامانلىق بىلەن جازالانغايمىز


سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك بىر قېتىم شەھەرگە كىرىپ، ئۈچ كۈن تۇردى :ئاندىن.

بۇ يەردە بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بەرگۈدەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى— : دېگەنىدى، ئۇنىڭغا— ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنى كۆرگەن بىرەر ئادەم يوقمۇ؟

. دېدىلەر— ئەبۇ ھازىم دەپ بىر كىشى بار—

شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم :ئەۋەتكەنىدى، ئەبۇ ھازىم كەلدى. سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك

— ئى ئەبۇ ھازىم! بۇ نېمە ئەدەبسىزلىك؟ — دېگەنىدى، ئەبۇ ھازىم:

. مەندىن قايسى ئەدەبسىزلىك كۆرۈلدىكىن؟ دېدى—

شەھەرنىڭ بارلىق كاتتىلىرى يېنىمغا كەلدى، لېكىن سەن كەلمىدىڭ؟! — .دېدى

. ئارىمىزدا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بارغۇدەك تونۇشۇش جەريانى بولمىدى—

— ئاقساقلا راست ئېيتتى، ئى ئەبۇ ھازىم! بىز نېمىشقا ئۆلۈمنى يامان كۆرىمىز؟ — دېگەندە، ئۇ: «چۈنكى، سىلەر دۇنيايىڭلارنى ئاۋات قىلدىڭلار، ئاخىرىتىڭلارنى خاراب قىلدىڭلار.. شۇڭا، سىلەر ئاۋات يەردىن خاراب يەرگە يۆتكىلىشنى يامان كۆرىسىلەر

راست ئېيتتىڭ، ئى ئەبۇ ھازىم! ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا قانداق بارىمىز؟— .دەپ سورىدى

  • ياخشى ئىش قىلغۇچى، خۇددى سەپەر قىلغۇچى ئائىلىسىگە خۇشال— خۇرام بارىدۇ. يامان- خۇرام ھالدا كەلگەندەك، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا خۇشال، ئىش قىلغۇچى بولسا خۇددى قاچقۇن قۇلنىڭ خوجايىنىنىڭ يېنىغا قورقۇپ دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن— قايغۇلۇق ھالەتتە كەلگىنىدەك بارىدۇ :سۇلايمان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى ۋە

ئى ئەبۇ ھازىم! كاشكى، مەن ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە نېمىلەر— :بېرىلىدىغانلىقىنى بىلسەمچۇ؟ دېگەنىدى، ئەبۇ ھازىم

— ئۆزۈڭنى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ئاتىغىن، شۇندىلا ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ساڭا نېمىلەر بارلىقىنى بىلىسەن — دېدى.

ئى ئەبۇ ھازىم! شۇ بىلىمگە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنىڭ قەيىرىدىن— ئېرىشىمەن؟

  • شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ، كافىرلار شەك- مۇئمىنلەر شەك« : ئاللاھ تائالانىڭ— . دېگەن سۆزىدىن «82ئىنفىتار-13-14» شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ

ئاللاھنىڭ رەھمىتى قەيەردە؟—

«شۈبھىسىزكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر» «7ئەئراف-56» —

. سورىدى سۇلايمان— كىم ئەڭ ئەقىللىق؟—

. ھېكمەتنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى كىشىلەرگە ئۆگەتكەن كىشى—

كىم ئەڭ ئەخمەق؟—

قېرىندىشى زالىم بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا— ئۆزىنى چۈشۈرگەن، باشقىلارنىڭ دۇنيالىقىنى دەپ ئۆزىنىڭ ئاخىرىتىنى ساتقان. كىشى ئەڭ ئەخمەق كىشىدۇر

قايسى دۇئا بەك ئىجابەتتۇر؟—

. ئىتائەتمەنلەرنىڭ دۇئاسى—

قايسى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ كۆپ؟—

مېلى ئاز بولۇشىغا قارىماي كۈچىنىڭ يېتىشىچە قىلىنغان سەدىقىنىڭ— .ساۋابى

ئى ئەبۇ ھازىم! بىزنىڭ بۇ ماقامىمىزغا نېمە دەيسەن؟—

. مەندىن بۇنى سورىمىغىن—

. بىر نەسىھەت سۈپىتىدە سۆزلىگىن—

بەزىلەر بۇ ماقامنى مۇسۇلمانلارغا مەسلىھەتمۇ سالماستىن ۋە ئۇلارنىڭ— ئىتتىپاقىسىز جەبر قىلىپ ئالدى. ئاندىن دۇنيالىق ھوقۇق ئۈچۈن ناھەق قانلار . كاشكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىداتۆكتى ۋە شۇ قانلار بىلەن دۇنيادىن كەتتى نېمە دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلىدى؟ ئۇلارغا نېمىلەر دېيىلدى بىر بىلسەمچۇ؟

ئاندىن سۇلايمان بىلەن ئولتۇرغانلاردىن بىرى:

— ئى شەيخ! بۇ نېمىدېگەن يامان سۆزلەر! — دېگەنىدى، ئەبۇ ھازىم:

يوقسۇ تەقسىر! ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالا ئالىملاردىن كىتابنى (يەنى قۇرئاندىكى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالغاندۇر، — دېدى

سۇلايمان:

ئى ئەبۇ ھازىم! بىز بىلەن دوست بولامسەن؟ بىز سەندىن پايدىغا— دېگەنىدى، ئەبۇ— ئېرىشسەك، سەنمۇ بىزدىن پايدىغا ئېرىشسەڭ قانداق؟ :ھازىم

دېدى — ئاللاھ تائالا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي—

نېمە ئۈچۈن؟—

ئارىسى) ئاتىسى717 – 715 .. ئۇمەۋىي خەلىفەسى سۇلايماننىڭ (م7 بۇ يەردە ئەبۇ ھازىم

ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننى كۆزدە تۇتسا كېرەك. چۈنكى، خەلىفە ئابدۇلمەلىكنىڭ مىلادى يىلىدىن بېرى- 683 يىللار ئارىسى خەلىفەلىكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىلىرىدە- 705 – 685 مەككەدە ئۆزىنى خەلىفە ئېلان قىلغان ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى ئايدا ئابدۇللاھ- 11 يىلى- 692 ھەججاج ئىبنى يۇسۇف قوماندانلىقىدىكى قوشۇن بىلەن ئىبنى زۇبەيرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقانغا قەدەر مەككەنى ئۇزۇن يىللار قورشاپ نۇرغۇن . ت— .قانلار بەدىلىگە ئۇمەۋىي خىلافىتىنى مۇستەھكەملىگەن

مەن سىلەرگە مايىل بولۇپ قېلىشتىن قورقىمەن، ئەگەر مايىل بولۇپ— .قالسام، ئاللاھ تائالا ماڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ ئازاب بېرىدۇ

. دېدى خەلىفە سۇلايمان— ! ماڭا نەسىھەت قىلغىن—

ئاللاھ تائالانىڭ سېنى توسقان يەردە كۆرۈپ قېلىشىدىن ياكى سېنى— : دېدى. سۇلايمان— بۇيرۇغان يەردە كۆرمەي قېلىشىدىن قورققىن

! ئى ئەبۇ ھازىم! بىزگە ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلغىن—

ئى ئاللاھ! ئەگەر سۇلايمان سېنىڭ دوست بەندەڭ بولسا، ئۇنى ياخشىلىققا— مۇيەسسەر قىلغىن؛ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئۇنى كۇكۇلىسىدىن تۇتۇپ ياخشىلىق. يولىغا كەلتۈرگىن

شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان: «غۇلام! 100 تىللا ئېلىپ كەلگىن» دېدى. غۇلام پۇلنى ئېلىپ كەلگەندە، سۇلايمان:

— ئى ئەبۇ ھازىم! بۇنى ئال، — دېگەنىدى، ئەبۇ ھازىم:

مەن بۇ سورۇندىكى ئادەملەرگە ئوخشاش بىر ئادەممەن. بۇ تارتۇقنى— ھەممەيلەن باراۋەر ئالغاندىلا ئالالايمەن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا مېنىڭ ئېھتىياجىم نەسىھەتلىرىم ئۈچۈن بەرگەن بولۇشىڭدىن- يوق. مەن بۇ تارتۇقنى قىلغان سۆز. قورقىمەن، دېدى. سۇلايمان ئەبۇ ھازىمنىڭ سۆزلىرىدىن ھەيران قالدى

ئاندىن زۇھرىي:

— ئەبۇ ھازىم 30 يىلدىن بۇيان مېنىڭ قوشنام بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا پەقەت گەپ قىلىپ باقمىدىم — دېگەنىدى، ئەبۇ ھازىم:

— سەن ئاللاھنى ئۇنۇتتۇڭ، شۇڭا مېنى ئۇنۇتتۇڭ، — دېدى. زۇھرىي:

دېدى — سەن ماڭا ھاقارەت قىلىۋاتامسەن؟—

سۇلايمان:

بەلكى سەن ئۆزۈڭگە ھاقارەت قىلىۋاتىسەن، سەن قوشنىنىڭ قوشنا— دېدى — !ئۈستىدە ھەققى بارلىقىنى بىلمەمسەن؟

ئەبۇ ھازىم:

. بەنى ئىسرائىل توغرا يولدىكى ۋاقتىدا ئەمىرلەر ئالىملارغا موھتاج ئىدى— ئالىملار دىنى بىلەن ئۇلاردىن قاچاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋالنى بىر قىسىم

ناچار كىشىلەر كۆرگەندىن كېيىن ئاشۇ ئىلىمنى ئۆگەندى ۋە ئۇ ئىلىم بىلەن مەئسىيەتلەر ئۈستىدە- ئەمىرلەرنىڭ يېنىغا كەلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار گۇناھ بىرلەشتى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار نەزەردىن چۈشتى ۋە بۇزۇلدى. ئەگەر ئالىملار، دىنىنى ۋە ئىلمىنى ساقلىغان بولسا ئىدى، ئەمىرلەر ھەمىشە ئۇلاردىن ئەيمىنەتتى دېدى —

زۇھرىي:

سەن بۇ گەپ بىلەن مېنى كۆزدە تۇتۇۋاتقاندەك ۋە مېنى نىشان قىلىۋاتقاندەك : دېگەنىدى، ئەبۇ ھازىم— قىلىسەن

دېدى — دەيدىغىنم مۇشۇنچىلىك—


ئاللاھ— ھېكايە قىلىنىدۇكى: بىر ئەئرابىي سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك : نىڭ يېنىغا كىردى، ئاندىن— ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ساڭا ئېيتار سۆزۈم بار، گەپلىرىم ئېغىر— كەلمىسۇن، ئەگەر گەپلىرىم ياقمىسىمۇ، قوبۇل قىلساڭ، ئۇنىڭ كەينىدە سەن :ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەر بار، دېگەنىدى، سۇلايمان

دېدى — ! ئېيتقىن— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سېنىڭ ئەتراپىڭنى شۇنداق ئادەملەر قورشىدىكى— ئۇلار ساڭا دىنىنى بېرىپ تۇرۇپ دۇنيايىڭنى، پەرۋەردىگارىنى غەزەپلەندۈرۈپ . يۇ، ئاللاھتىن قورقمىدى- تۇرۇپ سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالدى. سەندىن قورقتى ئۇلار ئاخىرەتىنى خاراب قىلىپ، دۇنياسىنى ئاباد قىلدى، شۇڭا ئۇلار ئاخىرەتتىن قېچىپ دۇنياغا تەسلىم بولدى. ئاللاھ ساڭا ئامانەت قويغان نەرسىلەردە ئۇلارغا ئىشەنچ قىلمىغىن! چۈنكى، ئۇلار ئامانەتنى زايە قىلىشتا، ئۈممەتنى يىقىتىشتا كۈچىنى ئايىمايدۇ. سەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن سورىلىسەن، لېكىن ئۇلار سېنىڭكىلەردىن سورالمايدۇ. شۇڭا، ئاخىرىتىڭنى بۇزۇش بىلەن ئۇلارنىڭ دۇنياسىنى ياخشىلىمىغىن، ئۆزىنىڭ ئاخىرىتىنى ئۆزگىلەرنىڭ دۇنياسى ئېۋەزىگە .ساتقۇچى كىشىلەر ئىچرە ئەڭ زىيان تارتقۇچى كىشىدۇر

— پاھ! سەن تىلىڭنى ئاستا سۇغۇرۇپ چىقاردىڭ، ھالبۇكى تىلىڭ قىلىچىڭدىن بەكرەك ئىتتىك ئىكەن!

— شۇنداق، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۇ سېنىڭ مەنپەئەتىڭ ئۈچۈندۇر، ئەسلا زىيىنىڭ ئۈچۈن ئەمەس.

بىرەر ھاجىتىڭ بارمۇ؟—

ئومۇم ئۈچۈن بولمىسا، ئۆزۈمگە خاس ھاجىتىم يوقتۇر. ئۇ شۇنداق دېدى— .ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، چىقىپ كەتتى

شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان:

، تېگىدىن ئېسىللىق بالقىپ تۇرىدۇ- ماشائاللاھ، بۇ كىشىنىڭ تېگى— ئۇنىڭ قەلبى نېمىدېگەن سەگەك! تىلى نېمىدېگەن ئۆتكۈر! نىيىتى نېمىدېگەن ، ھە! ئەقىل ۋە شەرەپ مۇشۇنداق بولسۇن- خالىس! ئۆزى نېمىدېگەن پەرھىزكار دېدى —


دەپتۇرلەركى، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ ھازىمغا:

— ماڭا نەسىھەت قىلغىن — دەيدۇ، ئەبۇ ھازىم:

(ياتقىنىڭدا) يېنىڭنى بېسىپ ياتقىن! ئاندىن ئۆلۈمنى باش ئۇچىڭدا— بىلگىن! ئاندىن شۇ سائەتتە كۆڭلۈڭنىڭ قايسى سۈپەت، پەزىلەتلەرگە خۇشتارلىقىغا قارىغىن ۋە شۇ سۈپەت، پەزىلەتلەرنى دەرھال ئالغىن! ئەينى دەمدە يەنە قەلبىڭ — سۈپەتلەرگە قارىغىن ۋە ئۇنى دەرھال تاشلىغىن- يامان كۆرىدىغان خۇلق. دېدى


:مۇھەممەد ئىبنى كەئب رەھىمەھۇللاھ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھقا: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! شۈبھىسىزكى، دۇنيا بىر بازاردۇر، خالايىق ئۇندىن ئۆزىگە پايدىلىق ۋە زىيانلىق نەرسىلەر بىلەن چىقىدۇ. كۆپ كىشىلەر باركى، ئۇلار دۇنيادا بىز ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ھالەتكە ئوخشاش ھالەتكە ئالداندى، ھەتتا ئۇلارغا ئۆلۈم كېلىپ، ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. ئۇلار ئارزۇ قىلغان ئاخىرەت ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك بولىدىغان، يامان كۆرگەن دوزاخقا قالقان بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلالماستىن مالامەتكە ئۇچرىغىنىچە دۇنيادىن كەتتى. ئۇلار توپلىغان ماللار ئۇلارنى بىرەر قېتىممۇ ماختاپ باقمىغان كىشىلەرگە تەقسىم قىلىندى. ئۇلار بولسا ئۆزرىلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغان زاتنىڭ يېنىغا قايتىشتى. ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! شۇڭا، بىز ئۇلارنىڭ كىشىنى قاتتىق قىزىقتۇرغۇچى ياخشى ئەمەللىرىگە قاراشقا، ئاندىن دۇنيادا شۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ئۇلارغا ئورۇنباسار بولۇشقا؛ شۇنداقلا كىشىنى قورقىتىدىغان يامان ئەمەللىرىگە قاراپ، شۇ يامان ئەمەللەردىن توختاشقا بەكمۇ لايىقمىز. ئاللاھتىن قورققىن! ئىشىكلەرنى ئاچقىن! رەئىييەتنىڭ دەردىنى ئاڭلاشنى قولايلاشتۇرغىن! مەزلۇمغا ياردەم قىلغىن! زۇلۇم بىلەن ئېلىۋېلىنغان نەرسىلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرغىن! قانداقبىر كىشىدە ئۈچ خىسلەت تېپىلسا، ئۇ كىشى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە بولغان ئىمانىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن بولىدۇ، ئۇلار بولسا: بىر ئىشتىن رازى بولغاندا، بۇ رازىلىق كىشىنى باتىل ئىش قىلىشقا ئېلىپ بارمىسا؛ بىر ئىشقا غەزەپلەنسە، شۇ غەزەپ كىشىنى ھەقىقەتتىن يىراقلاشتۇرمىسا؛ كۈچى يېتىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغاننى ئېلىۋالمىسا» دېدى.


ئەتائ ئىبنى ئەبى رەباھ ھىشامنىڭ يېنىغا كىردى، ھىشام ئۇنى قارشى ئالدى :ۋە

دېدى. ھىشامنىڭ قېشىدا— ئى ئەبۇ مۇھەممەد! نېمە ھاجىتىڭ باركىن؟— مۆتىۋەر كىشىلەر پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىم بولدى. ئەتائ ئىبنى ئەبى رەباھ ھىشامغا ئىككى ھەرەم ئەھلىگە تەمىناتىنى ۋە مائاشلىرىنى :بېرىشنى ئەسلىتىۋ ىدى، ھىشام

بولىدۇ. ( دېدى ۋە بۇيرۇق قىلىپ، ) ئى خىزمەتچى! مەككە ۋە مەدىنە— : دېدى. ئاندىن ھىشام— !ئەھلىگە ئۇلارغا بېرىلىدىغان تەمىناتلارنى يازغىن

، دېگەنىدى— ئى ئەبۇ مۇھەممەد! بۇنىڭدىن باشقا ھاجەتلىرىڭمۇ بارمۇ؟— :ئەتائ ئىبنى ئەبى رەباھ ھىشامغا

ھەئە بار، ھىجاز ئەھلىگە، نەجىد ئەھلىگە، چېگرا ساقلاۋاتقانلارغىمۇ— تەمىنات بەرسەڭ، دەپ يادىغا سالدى، ھىشام ئۇ دېگەندەك قىلدى. ھەتتا ئەتائ ئىبنى ئەبى رەباھ زىممىيلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارغا ئۇلار تاقەت قىلالمايدىغان. ئىشلارنى يۈكلىمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى. ھىشام ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى :ھىشام ئاخىرىدا

— بۇنىڭدىن باشقىچۇ؟ — دېگەنىدى، ئەتائ ئىبنى ئەبى رەباھ:

— بار، ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۆزۈڭ ھەققىدە ئاللاھتىن قورققىن، سەن يالغۇز يارىتىلدىڭ، يالغۇز ئۆلىسەن، يالغۇز تىرىلىسەن ۋە يالغۇز ھالەتتە ھېساب بېرىسەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سەن كۆرۈۋاتقان كىشىلەردىن ھېچبىرى سەن دېدى. ھىشام بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بېشىنى تۆۋەن— بىلەن بىللە بولمايدۇ قىلىپ يىغلىدى. ئەتائ ئىبنى ئەبى رەباھ ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ، ئىشىكنىڭ، يېنىغا كەلگەندە، ھەميان كۆتۈرۈۋالغان بىر كىشى ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى ھەميانغا كۈمۈش تەڭگە سېلىنغانمۇ ياكى ئالتۇن ئاقچىمۇ بىلمەيتتۇق. ئۇ كىشى :ئەتائ ئىبنى ئەبى رەباھقا

دېگەنىدى، ئەتائ— مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى بۇنى ساڭا بۇيرۇپ بەردى— :ئىبنى ئەبى رەباھ

«تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن» «26شۇئەرائ-127» دېدى ۋە چىقىپ كەتتى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ھەقىقەتەن ئەتائ ئىبنى ئەبى رەباھ. ئۇلارنىڭ قېشىدا بىر يۇتۇم سۇ چاغلىق نەرسە ئىچمىگەن ئىدى


مۇھەممەد ئىبنى ئەلى رەھىمەھۇللاھتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: مەن ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنىڭ سورۇنىدا ئىدىم، سورۇندا ئىبنى ئەبى زىئبمۇ بار ئىدى. (ئۇ چاغدا) شەھەرنىڭ ۋالىيسى ھەسەن ئىبنى زەيد ئىدى. غىفار قەبىلىسىدىكىلەر، كېلىپ، مەنسۇرغا ھەسەن ئىبنى زەيدنىڭ مەلۇم بىر ئىشىنى شىكايەت قىلغانىدى :)ھەسەن (بۇنى ئاڭلاپ

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۇ قانداق ئادەملەر؟ بۇلار توغرۇلۇق ئىبنى ئەبى— دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەنسۇر ئۇلار توغرۇلۇق ئىبنى ئەبى— !زىئبتىن سورىغىن :زىئبتىن سورىغانىدى، ئۇ

ئابرۇيىنى تۆكىدىغان- گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، بۇلار كىشىلەرنىڭ يۈز— : دەپ جاۋاب بەردى. غىفار قەبىلىسىدىن كەلگەنلەر— كىشىلەردۇر

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۇنىڭدىن ھەسەن ئىبنى زەيد قانداق كىشى، شۇنى سورىغىن! — دېگەنىدى، مەنسۇر ئۇنىڭدىن:

— ھەسەن ئىبنى زەيد قانداق كىشى؟ — دەپ سورىدى. ئىبنى ئەبى زىئب:

— گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ھەسەن ئىبنى زەيد ناھەق ھۆكۈم چىقىرىدىغان كىشىدۇر، — دېدى. مەنسۇر:

— ئاڭلىدىڭغۇ، ئى ھەسەن! — دېدى. ئاندىن ھەسەن ئىبنى زەيد:

— ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭ ھەققىدە سورىغىنچۇ! — دېگەنىدى، مەنسۇر:

— مېنىڭ ھەققىمدە نېمە دەيسەن؟ — دېدى. ئىبنى ئەبى زىئب:

! ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشىمنى تەلەپ قىلمىساڭچۇ؟— : دېدى. مەنسۇر— دېگەنىدى— ! ئەزبىرايى! مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى ماڭا ئېيتقىن— :ئىبنى ئەبى زىئب

گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەن بۇ ھوقۇقنى ناھەق ئالدىڭ ۋە ئۇنى ئۆز— دېدى. مەنسۇر قولىنى ئىبنى ئەبى زىئبنىڭ گەدىنىگە— ئەھلىگە بەرمىدىڭ :قويۇپ، ئۇنىڭغا

، بىلگىنكى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن بولمىغان بولسام، پارسلار— رۇملۇقلار، دەيلەمىيلەر ۋە تۈركلەر سېنى بۇ ماكانىڭدىن مەھرۇم قالدۇرغان : دېگەنىدى، ئىبنى ئەبى زىئب— بولاتتى

ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەقنى ئالدى، ئادالەت بىلەن— دېدى. شۇنىڭ— تەقسىم قىلدى ۋە پارسلار، رۇملۇقلارنىڭ ياقىلىرىنى تۇتتى :بىلەن ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر ئىبنى ئەبى زىئبنى قويۇۋەتتى ۋە

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن سېنىڭ راست سۆزلىگەنلىكىڭنى بىلمىگەن— : دېدى. ئىبنى ئەبى زىئب— بولسام، سېنى ئۆلتۈرگەن بولاتتىم

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مەن ساڭا ئوغلۇڭ— .» دېدى— مەھدىيدىنمۇ بەكرەك سەمىميمەن


ئەۋزائىي رەھىمەھۇللاھتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ساھىلدا تۇرۇۋاتسام مەنسۇر مېنى چاقىرىپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ، مەن، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم. كېلىپ ئۇنىڭغا سالام قىلغىنىمدا مېنى ئولتۇرغۇزدى :ئاندىن

، دېگەنىدى— ئى ئەۋزائىي! ئۆزلىرىنى نېمە كېچىكتۈرۈپ قويدىكىن؟— :مەن

. دېدىم— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! نېمىنى خاھلايسەن؟—

. ئۆزلىرىدىن ئىلىم ئېلىشنى خاھلايمەن—

ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! قارا! سەن بىرنەرسە ئاڭلايسەنۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل— قىلمايسەن، دېدىم. شۇندا ماڭا رەبىيئ ۋارقىرىدى ۋە قولى بىلەن قىلىچقا :ئىشارەت قىلغانىدى، مەنسۇر ئۇنىڭغا كايىدى ۋە

دېدى. بۇ— بۇ دېگەن ساۋاب ئېلىش ئورنى، جازا ئورنى ئەمەس— كۇشادە سۆزلەشكە باشلىدىم ۋە- گەپتىن كۆڭلۈم مەمنۇن بولدى ۋە ئۇنىڭغا كەڭ :دېدىمكى

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مەكھۇل ماڭا ئەتىييە ئىبنى بۇسرىدىن رىۋايەت— قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹قايسى بىر ۋالىي پۇقرالىرىنى ئالدىغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام . دېگەنلىكىنى ئېيتقانىدى›قىلىدۇ

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! خاھ قىزىل تەنلىك بولسۇن، خاھ قارا تەنلىك بولسۇن، مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كافىر بولسۇن، سەن ئۆزۈڭ ھۆكۈمدار بولغان. بۇ رەئىييەتنىڭ ئىشلىرىنى قويۇپ، شەخسىي ئىشلىرىڭ بىلەن مەشغۇل بولدۇڭ ھەركىشىنىڭ ئادىللىقتىن نېسىۋىسى باردۇر. رەئىييەتنىڭ كۆپى قوزغىلىپ، سەن مۇشەققەتلىرىڭگە ئىسيان- مۇسىبەت ۋەياكى سالغان زۇلۇم- كەلتۈرگەن بالا !قىلسا، سېنىڭ ئەھۋالىڭ قانداق بولار؟

ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! مەكھۇل ماڭا ھەبىب ئىبنى سەلەمەدىن زىياد ئىبنى ھارىسە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسنى ئېيتىپ بەرگەنىدى، ئۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئۆزى قەستەن قىلمىغان ئازراق— سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئەئرابىينى ئۆزىدىن قىساس ئېلىۋېلىشقا چاقىرىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر— يارىلاندۇرۇشتىن سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا جىبرىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ: ‹ئى مۇھەممەد! ھەقىقەتەن ئاللاھ سېنى زالىم، مۇتەكەببىر پەيغەمبەر قىلىپ

. بۇ ھەدىس زەئىف136/6 ،»)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ئەلھىليە7411( ،»بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان

بولسىمۇ، بۇ مەزمۇندا ھەزرىتى مەئقىل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق ئاڭلىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھ بىرەر خەلققە ھۆكۈمدار قىلغان كىشى قول ئاستىدىكىلەرنى ئالدىغان ھالدا ۋاپات بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەئرابىينى چاقىرىپ:

— مەندىن قىساسىڭنى ئالغىن، — دېگەنىدى، ئەئرابىي:

ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، سەندىن رازى بولدۇم، سەن جېنىمغا- ئاتا— دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ— زىيان كەلتۈرسەڭمۇ مەن رازىمەن. ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ياخشى دۇئالارنى قىلدى

ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! نەپسىڭنى نەپسىڭنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەزگىن ۋە !نەپسىڭ ئۈچۈن رەببىڭدىن ئامانلىق تىلىگىن

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئەگەر پادىشاھلىق ئىلگىرىكىلەرگە باقىي قالغان بولسىدى، ساڭا ھەرگىزمۇ پادىشاھلىق يەتمىگەن بولاتتى. پادىشاھلىق بىراۋغا. باقىي قالمىغاندەك ساڭىمۇ باقىي قالمايدۇ

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۇلار: ‹ۋاي ھالىمىزغا! بۇ نامە- كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟» دەيدۇ، ئۇلار قىلغان- ئەملاغا چوڭ ، ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ- ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە- دېگەن ئايىتىنىڭ «18كەھف-49» پەرۋەردىگارىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ : ‹كىچىك ئىش بولسا تەبەسسۇم قىلىشتۇر، چوڭتەپسىرى ھەققىدە بوۋاڭنىڭ ئىش بولسا كۈلۈشتۇر› دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. دېمەك، تەبەسسۇم قىلىش ئەملاغا يېزىلغان يەردە قولنىڭ قىلمىشى، تىلنىڭ- ۋە كۈلۈشتەك ئىشلار نامە !دېمىشى قانداقمۇ يېزىلمىسۇن

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! كەمىنە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ‹ئەگەر بىر قوزا دەريا قىرغىقىدا زايە بولۇپ ئۆلۈپ كەتسە، شۇ قوزا توغرۇلۇق سوئال قىلىنىشىمدىن قورقىمەن› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمەن. ئەجەبا، سېنىڭ ئىگىدارچىلىقىڭدا تۇرۇپ ئادالىتىڭدىن مەھرۇم قالغان كىشى ھەققىدە سەن !سورالماي قالارسەنمۇ؟

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ رازى بولغۇر بوۋاڭ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا: «ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىفە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم، چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى دېگەن ئايەتنى «38ساد-26» ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى دېمەكچى. ئۇ مۇنداق تەپسىر قىلغانىكەن: ‹ئىككى دەۋاگەر ئالدىڭدا ئولتۇرسا، ئىككىسىنىڭ بىرىنى ياخشى كۆرسەڭ، كۆڭلۈڭدە ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنىڭ ھەقلىق، چىقىشىنى ۋە نېرىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇنىڭ مېلىنى ئېلىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلما ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ، سېنى پەيغەمبەرلىكتىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. ئاندىن مېنىڭ يەر يۈزىدىكى خەلىفەم بولالمايسەن. ئى داۋۇد! مەن پەيغەمبەرلىرىمنى ،بەندىلىرىمگە بەئەينى تۆگە باقار چوپانلارغا ئوخشاش پەرۋىشكار قىلدىم. چۈنكى ،چوپانلار بېقىشنى بىلىدۇ، يۇمشاقلىق بىلەن باشقۇرىدۇ، سۇنۇقلارنى تاڭىدۇ .› چۆپ ۋە سۇغا باشلايدۇ- ئورۇق مالنى ئوت

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سەن شۇنداق بىر ئىش بىلەن سىنالدىڭكى، ئەگەر ئۇ ئىش ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلەنسە، ئۇنى كۆتۈرۈشتىن باش. تارتاتتى ۋە ئۇنى ئادا قىلالماسلىقتىن قورققان بولاتتى

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! يەزىد ئىبنى جابىر ماڭا ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى ئۇمەيرە ئەلئەنسارىينىڭ: ‹ھەقىقەتەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنسارلاردىن بىر كىشىنى سەدىقە يىغىشقا ئىشلەتتى، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ كىشىنى سەدىقە يىغىشقا چىقماي ئۆيىدە :ئولتۇرغان ھالەتتە كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا

نېچۈك سەدىقە يىغىشقا چىقمىدىڭ؟ بۇ ئىشتا ساڭا ئاللاھ يولىدا جىھاد— : دېگەنىدى، ئۇ كىشى— قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرى بولىدىغانلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟

— ياق — دېدى. ئۆمەر:

— ئۇ قانداق بولغىنى؟ — دېدى. ئۇ كىشى:

ماڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ”ئاممىنىڭ بىر ئىشىنى— ئۈستىگە ئالغۇچى قىيامەت كۈنى ئىككى قولى بوينىغا باغلانغان ھالەتتە كېلىدۇ جەھەننەمنىڭ كۆۋرۈكى ئۈستىدە توختىتىلىدۇ، كۆۋرۈك ئۇ كىشى بىلەن قاتتىق بىر تەۋرەيدۇ، بۇ تەۋرەش ئۇ كىشىنىڭ ھەربىر ئەزايىنى ئۆز ئورنىدىن ئاجرىتىۋېتىدۇ، ئاندىن قايتا ئۆز ئورنىغا كەلتۈرۈلۈپ، ھېساب ئېلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى ئاللاھنى كۆز ئالدىدا تۇتۇپ ئىبادەت قىلغان كىشى بولسا، شۇ ئىبادىتى سەۋەبلىك نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ؛ ئەگەر يامان ئىش قىلغۇچى كىشى بولسا، شۇ . كۆۋرۈك تېشىلىپ، ئۇ كىشى 70 يىل جەھەننەمگە غولايدۇ» دېگەنلىكى يەتتى.

— بۇنى كىمدىن ئاڭلىدىڭ؟ — دېدى ئۆمەر. ئۇ كىشى:

— ئەبۇ زەر ۋە سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئاڭلىدىم — دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئۇ ئىككىسىگە ئەلچى ئەۋەتكەنىدى، ئۇ ئىككىسى ئەلچىگە: ‹ھەئە، بىز ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان :ئىدۇق› دېدى. شۇندا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ

ۋاي بىچارە ئۆمەر! بۇ باشلىقلىققا شۇنچە خەتەرگە قارىماي كىممۇ ئىگە— : دېگەنىدى، ئەبۇ زەر— بولار؟

ئاللاھ پېشانىسىنى شور قىلىۋەتكەن ۋە ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق— دېدى. بۇ سۆزلەردىن كېيىن مەنسۇر— چىشلەتكەن كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ .قول ياغلىقنى ئېلىپ يۈزىگە قويۇپ، ئۆكسۈپ يىغلىدى ۋە مېنىمۇ يىغلىتىۋەتتى

ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! تاغاڭ ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆزىنى مەككىگە يا تائىفقا ۋەيا يەمەنگە ۋالىي قىلىشىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: ‹ئى تاغا! سەن قۇتقۇزىدىغان بىر جان سەن ھېسابىنى بېرىپ بولالمايدىغان ۋالىيلىقتىن ياخشىدۇر› دېدى. بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسىغا نەسىھەت قىلىپ ۋە شەپقەت قىلىپ دېگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «يېقىن خىش-ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن!» «26شۇئەرائ-214» دېگەن ئايەتنى چۈشۈرگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسىغا ئۆزىنىڭ تاغىسى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچنەرسىنى دەفئ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئى ئابباس! ئى سەفىييە! ئى فاتىمە! مەن سىلەردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچنەرسىنى دەفئ قىلالمايمەن، مېنىڭ ئەمىلىم ئۆزۈم ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن› دېگەنىدى».

ھەقىقەتەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن ‹كىشىلەرنىڭ دىن ئىشىنى ئەقلى ئۆتكۈر ۋە ئاللاھ بارىدا مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان كىشىلا بەرپا قىلالايدۇ›. ئەۋزائىي ئۇنىڭغا ئۆمەر رەئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلدى، ئاندىن كېيىن: ‹ئۇ سۆزلەر، نەسىھەتتۇر، ساڭا تىنچلىق يار بولسۇن› دېدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرغانىدى :مەنسۇر

— قەيەرگە؟ — دېدى. ئەۋزائىي:

. مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ۋەتەنگە— رۇخسەت قىلدىم، نەسىھىتىڭگە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىمەن— ئاللاھ ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر، ياخشى ئىشلاردا ياردەم بەرگۈچىدۇر، ئاللاھتىن ياردەم سورايمەن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىمەن، ئاللاھ ماڭا يېتەرلىك ھە! ماڭا مۇشۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلىپ- ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي. تۇرغىن، سەن سۆزى مەقبۇل، نەسىھىتىدە كايىيدىغان كىشى ئەمەسسەن

ئەۋزائىي:

دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەنسۇر— ! مەن شۇنداق قىلىمەن، ئىنشائاللاھ— ئۇنىڭغا شەھەردىن چىقىپ كېتىشىگە ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن مال بۇيرۇپ :بەرگەنىدى، لېكىن ئەۋزائىي ئۇنى قوبۇل قىلمىدى ۋە

مەن ئۇ مالدىن بىھاجەتمەن، مەن نەسىھىتىمنى دۇنيانىڭ بارلىق ماللىرىغىمۇ— دېدى. مەنسۇر ئۇنىڭ پەيلىنى بىلدى ۋە ئۇنىڭغا قايتۇرغۇدەك— ساتمايمەن.»سۆز تاپالمىدى


ھارۇن رەشىد ھەج قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭغا:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! شەيبانمۇ ھەجدە، — دېدىلەر. ھارۇن رەشىد:

. دېگەنىدى، چاقىرىپ كېلىشتى— ئۇنى يېنىمغا چاقىرىپ كېلىڭلار— :ئاندىن ھارۇن رەشىد شەيبانغا

— ئى شەيبان! ماڭا نەسىھەت قىلغىن، — دېدى. شەيبان:

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! پېقىر تىلى كەمتۈك ئادەممەن، ئەرەبچىنى— ياخشى سۆزلىيەلمەيمەن. نەسىھەت قىلىشىم ئۈچۈن ماڭا سۆزۈمنى چۈشىنىدىغان دېدى — بىر كىشىنى ئېلىپ كەلگىن

ھارۇن رەشىد ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشىنىدىغان بىر كىشىنى ئەكەلدۈردى. ئاندىن شەيبان تىلماچقا نەبات تىلىدا سۆزلەپ: «دېگىنكى: ‹ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! ساڭا خاتىرجەملىك مەنزىلىگە يېتىپ— بېرىشتىن ئىلگىرى سېنى قورقۇتقان كىشى سېنى قورقۇنچلۇق جايغا بېرىشتىن دېدى — ئىلگىرى خاتىرجەم قىلغان كىشىدىن بەكرەك سەمىمىيدۇر

ھارۇن رەشىد:

— يېشىپراق ئېيتساڭچۇ؟ — دېدى. شەيبان تىلماچقا:

ئېيتقىن: ساڭا «ئاللاھتىن قورققىن! سەن بۇ ئۈممەتتىن سورىلىدىغان— كىشىسەن، ئاللاھ سېنى بۇ ئۈممەتكە باش قىلدى، بۇ ئۈممەتنىڭ ئىشلىرىنى !ساڭا تەيىن قىلدى، سەن شۇ ئىشلاردىن مەسئۇلسەن، پۇقرالارغا ئادىل بولغىن باراۋەر تەقسىم قىلغىن! تارماق قوشۇنلارنى ئەۋەتكىن! ئۆزۈڭ ھەققىدە ئاللاھتىن قورققىن!» دېگەن كىشى سېنى قورقۇتقان كىشىدۇر، دېمەك سەن ئەمىنلىك ئورنىغا يەتسەڭ خاتىرجەم بولىسەن. بۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلىدىغان كىشى سىلەر، سىلەر«سىلەر گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان ئەھلى بەيت پەيغەمبىرىڭلارنىڭ تۇغقانچلىقى ۋە شاپائىتىدە بولىسىلەر» دەپ سېنى خاتىرجەم قىلىدىغان كىشىدىن بەكرەك سەمىمىي كىشىدۇر. ھەتتا سەن قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا دېدى — دۇچ كەلسەڭ ھالاك بولىسەن

ھارۇن رەشىد بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى، ھەتتا ئەتراپىدىكى كىشىلەر :ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتتى. ئاندىن ھارۇن رەشىد

— ماڭا يەنە نەسىھەت قىلغىن — دېگەنىدى، شەيبان:

دېدى — ساڭا بۇ نەسىھەتلەر يېتەرلىكتۇر— �َأَŸه ُْلُ اَبْل( ئەھلى بەيت

كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ بىر قارىشىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە، كۈيئوغلى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ شىئەلەرنىڭمۇ قارىشى. يەنە بىر قاراشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنىلا كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە بىر قاراشتا زاكات ئېلىش ھارام بولغان، رەسۇلۇللاھنىڭ دادا تەرەپ تاغىسى ئابباس، رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرە ئۇكىسى ۋە كۈيئوغلى ئەلى ئەقىيل، رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرە ئۇكىسى، شۇنداقلا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاكىسى جەئفەر ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھارىس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ ئائىلە (ئومۇمىي ئىسالمُِْسْاَلاِمِžيَُةُ اْلَْعَا�مَُة ): ئادەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەمەتىنىَِžي ِْت

�اْل ََْمَْوْŎسُْوَْعَُةُ اِإْل« :تاۋابىئاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا . بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاھىرە، ھ- 18 ،»)ئېنسىكلوپېدىيەسى . ت– .2003 ./ م1424


ئەلقەمە ئىبنى مەرسەدتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە ئىراققا كەلگەندە، ھەسەن ئەلبەسرىي ۋە شەئىبيگە ئەلچى ئەۋەتتى ۋە ئىككىسىگە بىر ئۆي بۇيرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئۇ ئۆيدە بىر ئاي ئەتراپىدا تۇردى. ئاندىن ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە ئىككىسىنىڭ يېنىغا كىردى ۋە :ئىككىسىنى ھۆرمەتلىگەن ھالەتتە ئولتۇرۇپ

ھەقىقەتەن مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ماڭا خەت يېزىپتۇ، مەن ئۇ خەتتىكى— بۇيرۇقنى ئىجرا قىلسام ھالاك بولىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. ئەگەر مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە ئىتائەت قىلسام، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىمەن؛ ئەگەر ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلسام، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىمەن. سىزلەرچە، مەن مۇئمىنلەرنىڭ دېدى. شۇندا ھەسەن— ئەمىرىگە ئەگەشسەم، غەمدىن خالاس بولۇرمەنمۇ؟ :ئەلبەسرىي شەئبىيگە

دېدى. شەئبىي سۆز ئېلىپ— ئى ئەبۇ ئەمرى! ئەمىرگە جاۋاب بەرگىن— ئىبنى ھۇبەيرەنىڭ ئىشىنى ئاددىي ئىش كۆرۈپ، ئىبنى ھۇبەيرە ئۇ ئىشنى :قىلىشتا ئۆزرىلىك دېگەندەك قىلدى. شەئبىي

— سەن نېمە دەيسەن، ئى ئەبۇ سەئىد؟ — دېگەنىدى، ھەسەن ئەلبەسرىي:

مەنچە، ئى ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە! ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىدىن ئاللاھنىڭ— بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلمايدىغان ناھايىتى قوپلا بىر پەرىشتە تېزلا چۈشۈپ سېنى قەسرىڭنىڭ كەڭرىچىلىكىدىن قەبرەڭنىڭ تارچىلىقىغا چىقىرىدىغانغا ئاز قالدى. ئى ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭ، ئاللاھ سېنى يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكتىن قوغداپ قالىدۇ. ھالبۇكى، يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك سېنى ئاللاھ تائالادىن ھەرگىز قوغداپ قالالمايدۇ. ئى ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە! ئاللاھ تائالانىڭ سېنىڭ يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىككە ئىتائەت قىلغان ئەڭ قەبىھ ئەمىلىڭ !سەۋەبلىك ساڭا مەغپىرەت ئىشىكىنى ئېتىۋېتىشىدىن قورققىن

ئى ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە! مەن بۇ ئۈممەتنىڭ بېشىدا شۇنداق كىشىلەرنى بىلىمەنكى، خۇددى دۇنيا قېچىۋاتسىمۇ سىلەرنىڭ دۇنيانىڭ كەينىدىن قوغلىغىنىڭلاردەك، ئۇلارغا دۇنيا يېپىشقانسېرى دۇنيادىن قاچاتتى. ئى ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە! مەن سېنى ئاللاھ قورقۇتقاندىن قورقۇتىمەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ (يەنى غەلىبە) مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشتىن (يەنى سوراققا تارتىلىشتىن) ۋە ئازابىمدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر» «14ئىبراھىم-14»! ئى ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە ئەگەر سەن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلساڭ، ئاللاھ تائالا ساڭا يەزىد ئىبنى

ئابدۇلمەلىككە قارىتا كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك بىلەن بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ئۇنىڭغا تاشلاپ. قويىدۇ، دېدى

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە يىغلاپ كەتتى ۋە كۆزى ياش ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. ئەتىسى ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە ئۇ ئىككىسىگە ،ئىجازەتنامە بىلەن سوۋغاتلارنى ئەۋەتتى. سوۋغات ھەسەن ئەلبەسرىيگە كۆپرەك شەئبىيگە بولسا سەل كەمرەك ئىدى. ئاندىن شەئبىي مەسجىدكە چىقتى ۋە: ‹ئى خالايىق! ئاللاھنىڭ رىزاسىنى مەخلۇقاتلارنىڭ رازىلىقىدىن ئەۋزەل تاللاشقا قادىر بولغان كىشى تاللىسۇن! جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ھەسەن ئەلبەسرىي بىلگەن نەرسىنى مەن بىلمەپتىمەن، مەن ئىبنى ھۇبەيرەنىڭ رازىلىقىنى .»كۆزلىگەنىدىم، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ مېنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى› دېدى


مۇھەممەد ئىبنى ۋاسىئ رەھىمەھۇللاھ ھاۋا ئىسسىق بىر كۈندە بەسرە ۋالىيسى بىلال ئىبنى ئەبى بۇردەنىڭ يېنىغا كىردى، بىلال مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە ئەئيانلار :ئارىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قېشىدا مۇز بار ئىدى. بىلال

، دېگەنىدى— ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! سەنچە بىزنىڭ بۇ ئۆيىمىز قانداقراقكەن؟— :مۇھەممەد ئىبنى ۋاسىئ

— سېنىڭ ئۆيۈڭ گۈزەلدۇر، جەننەت ئۇنىڭدىنمۇ گۈزەلدۇر، دوزاخنى ئەسلەش بۇنداق ئۆيدىن مەشغۇل قىلىدۇ — دېدى.

تەقدىر ھەققىدە نېمە دەيسەن؟—

قەبرە ئەھلىگە قوشۇلغان قوشنىلىرىڭنى ئەسلىگىن، ئۇلارنى ئەسلەش— .تەقدىر ھەققىدە گەپ قىلىشتىن سېنى مەشغۇل قىلىدۇ

! ئاللاھتىن تىلەپ ماڭا دۇئا قىلغىن—

سەن مېنىڭ دۇئايىمنى نېمە قىلىسەن، ئىشىكىڭدە مۇنداق، مۇنداق— كىشىلەر سېنىڭ زۇلمىڭدىن داد ئېيتىشماقتا، ئۇلارنىڭ دۇئاسى مېنىڭ دۇئايىمدىن بۇرۇن ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلىدۇ. زۇلۇم قىلمىغىن! شۇندىلا مېنىڭ دۇئايىمغا موھتاج بولمايسەن

بۇلار بولسا ئەمىرلەرگە نەسىھەت قىلىش ھەققىدە كەلگەن قىسقىچە، بىر قىسىم خەۋەرلەردۇر. تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خاھلىغانلار«ئەلمىسباھۇل مۇزىيئۇ» دېگەن كىتابقا قارىسۇن


مانا بۇلار ئالىملارنىڭ ياخشلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش ئادەتلىرىگە دائىر ھېكايىلەردۇر. ئۇلار ئېھتىيات قىلىشتىن ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى بەرپا ، ھوقۇقلىرىغا پەرۋا قىلىشنى ئەلا بىلەتتى. لېكىن- قىلىشنى، سۇلتانلارنىڭ كۈچ ، ھۆكۈمدارلار ئىلىمنىڭ ھەققىنى ۋە پەزىلىتىنى بىلىپ- ئۇ زامانلاردا بەگ ئالىملارنىڭ نەسىھەتلىرىگە سەبر قىلاتتى. زامانىمىزدا بولسا پېقىرنىڭ قارىشىچە ئەڭ ئەۋزىلى سۇلتانلاردىن قېچىشتۇر. ئەگەر ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، نازۇك. نەسىھەتلەرنى قىلىش بىلەن قانائەتلەنسە كۇپايە

چۈنكى، بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى باردۇر:

بىرىنچىسى: نەسىھەت قىلغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ. نىيىتى يامان ۋە نەسىھەت قىلىش بىلەن دۇنيا ۋە رىياكارلىققا مايىل بولۇشىدۇر. دېمەك، بۇ ھالەتتە قىلغان نەسىھەتتە سەمىمىيەت بولمايدۇ

ئىككىنچىسى: نەسىھەت قىلىنغۇچىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى، دۇنيانى ياخشى كۆرۈش كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئاخىرەتنى ئەسلەشتىن مەشغۇل قىلدى، ئۇلارنىڭ دۇنيانى چوڭ بىلىشى ئۇلارغا ئالىملارنى چوڭ بىلىشنى ئۇنتۇلدۇردى. مۇئمىننىڭ. ئۆزىنى خار قىلىشى جائىز ئەمەستۇر

ياخشلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش بۆلۈمى بۇ يەردە تامامدۇر. مۇئەللىف بۇنىڭ ئالدىدا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش ۋە قەلبنىڭ تەسىرلىنىشى ھەققىدە بىر بۆلۈم بايان قىلغان ئىدى. بىز بۇيەردە ئۇ ھەقتە قىسقىچە بىر قىسىم مەزمۇنلارنى بايان. قىلىمىز

قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش ۋە قەلبنىڭ تەسىرلىنىشى

ناۋا- بىلگىنكى، بىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش نەغمە ئاڭلاشتۇر. ناخشا ئاڭلاش ئىبلىسنىڭ قەلبلەرنى بۇزىدىغان ئەڭ چوڭ ۋاسىتىلىرى ناۋا ئارقىلىق ئاۋام خەلقتىن سىرت ئالىملار ۋە- قاتارىدىندۇر. ئىبلىس نەغمە زاھىدلاردىن ساناقسىز كىشىلەرنى ئالدىدى. ھەتتا ئۇلار: «يېقىملىق ناخشىلارنى ئاڭلىغان چاغدا، ئاللاھ تائالاغا قارىتا قەلب ھۇزۇرى ھاسىل بولىدۇ» دەپ

جۆيلۈشتى ۋە: «ناخشا ئاڭلاشتىن پەيدا بولغان قەلب خۇشاللىقى ياكى بىئاراملىقى ئاخىرەتكە ئالاقىدار تەسىرلىنىشتۇر» دەپ گۇمان قىلدى. ئەگەر ھەقىقەتنى بىلىشنى ئىستىسەڭ، دەسلەپكى ئەسىرگە قارا! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياكى ساھابەلىرى شۇنىڭدىن بىرەرسىنى قىلدىمۇ؟! ياكى تابىئىنلەر ۋە ئۇلارغا، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ فەقىھ ئالىملىرىدىن ئىمام مالىك، ئەبۇ ھەنىيفە شافىئىي ۋە ئەھمەد رەھىمەھۇللاھلارنىڭ سۆزلىرىگە قارا! بارلىق ئالىملار غەزەلخانلىقنى ئەيىبلىگەن. ھەتتا ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ: «بىرى چۆرە قىز سېتىۋالسا ۋە ئۇنىڭ ناخشىچى ئىكەنلىكىنى بىلسە، سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ھەققى بار» دېگەن. ئۇ يەنە ناخشا ئېيتىش ھەققىدە .سورلاغاندا: «ئۇ پاسىقلارنىڭ قىلىقىدۇر» دېگەن

:«ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھتىن

بىر كىشى بالىسىنى ۋە ناخشىچى بىر چۆرىنى ئارقىدا قويۇپ ئۆلۈپ كەتسە— دەپ— ۋە بالا ئۇ ناخشىچى چۆرىنى سېتىشقا موھتاج بولسا قانداق قىلىدۇ؟ :سورلاغاندا، ئىمام

— ئۇ چۆرە ‹ناخشىچى› دەپ ئەمەس، ‹ئاددىي چۆرە› دەپ سېتىلىدۇ— :دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا

› مىڭغا يارايدۇ، ‹ئاددىي چۆرە30 ، ئۇ چۆرە ‹ناخشىچى› دەپ سېتىلسا— دېيىلگەنىدى، ئىمام— تىللاغا يارىشى مۇمكىن20 دەپ سېتىلسا، بەلكىم :ئەھمەد.» دېدى— ئۇ چۆرە ‹ئاددىي چۆرە› دەپ سېتىلىدۇ—

مۇجتەھىد فۇقاھالار ناخشا ئېيتىشتىن چەكلەشتە بىرلىككە كەلگەندۇر. ئىمام شافىئىينىڭ مۆتىۋەر ھەمراھلىرىدىن بولمىش ئەبۇ تەييىب ئەتتەبەرىي بىر. ئەسىرىدە ناخشىنى قاتتىق چەكلىگەن

«ناخشا ئېيتىش مۇباھ» دېگەن قاراشقا قايمۇققان بىر قىسىم كىشىلەر. ئېسىلدى ۋە: «سەلەف سالىھلەردىن بەزىلەر ناخشىغا رۇخسەت قىلغان» دېدى ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھمۇ سۆزمەن بىر كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ: «بۇنداق. سۆزلەرنى قىلسا ھېچقىسى يوق» دېگەنىدى

شۇڭا، مۇباھلىقىغا پەتۋا بېرىلگەن ناخشىنىڭ قايسى ناخشا ئىكەنلىكىنى غەزەللەر بولسا دۇمباق ياكى- ئويلىنىپ بېقىش كېرەك. رۇخسەت قىلىنغان ناخشا

تەڭكەش ئەسۋابى بولمىغان، چاۋاك ۋە ئۇسسۇل قوشۇلمىغان زاھىدانە ۋە شۇنىڭغا. ئوخشىغان مەزمۇندىكى شېئىرلاردۇر

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدىكى ئىككى ئۆلەڭچى قىزنىڭ بۇئاس كۈنىدە ئەنسارلار ئېيتىشقان قوشاقلار بىلەن ئۆلەڭ ئېيتقانلىقى مۇشۇ ئېھتىمالغا . ئۇلار كىشىنى يايرىتىدىغان ناخشىلاردىن ئەمەستۇر،يېقىندۇركى

مەلۇمكى! داپ، قالۇن، نەي ۋە ئۇد قاتارلىق تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابلارنى بۇرۇنقىلار بىلمەيتتى، بۇلار كېيىنكىلەرنىڭ ئىجادىدۇر. بۇ نەرسىلەر بولسا ئىنسان ھەۋەسلەرنى قوزغايدۇ ۋە نەپسنى- نەپسىدىكى كۆمۈلۈپ قالغان يوشۇرۇن ھاۋايى ئارامىدا قويمايدۇ. ئەتتەڭەي! نادان (سوپى) كىشى بولسا بۇ بىئاراملىقنى .ئاخىرەتكە باغلىنىش دەپ ئويلايدۇ

تاماشالاردىن، بىز- كاشكى ئۇلار (سوپىلار): «بۇ دېگەن مۇباھ ئويۇن بۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالىمىز» دېسىچۇ؟! ئەپسۇسكى، ئۇلار ئۇنى «ئىبادەت» دەپ جۆيلىشىدۇ ۋە ئەقىلنى ئازدۇرىدىغان دەرىجىدىكى بىئاراملىقنى «ۋەجد (ئۆزىدىن كېچەكلەرنى يىرتىش ۋە- كېتىش)» دەپ ئاتايدۇ. بەزىدە ناخشا ھاياجىنى كىيىم. قالايمىقان ھەرىكەت قىلىشقا ئوخشاش ناھلالا قىلىقلارنى قىلدۇرۇۋېتىدۇ روشەنكى، بۇلارنىڭ تامامى سەلەف سالىھلەرنىڭ يولىدىن يىراقلىشىش ۋە توغرا يولدىن ئادىشىشتۇر. شۇڭا، كىشى ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. توغرا بولغان نەسىھەت ئاڭلىغاندا، قەلبتە ھاسىل بولىدىغان- «ۋەجد» بولسا قۇرئان ۋە ۋەز ھاياجاندۇر. شۇندا ئىنسان روھىدا ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن قورقۇش، ۋەدىلەرگە قىزىقىش ۋە سەھۋەنلىككە پۇشايمان قىلىش قوزغىلىدۇ. مانا بۇ ئىچكى ھالەتلەر. بەدەننى تىنچ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇكى، ھەرگىزمۇ سەكرىتىپ، چاۋاك چالدۇرمايدۇ ،قەلبلەرنى ئاللاھنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىش ئۈچۈن گۈلمەرەم - ئايپاتەملەرنى تىلغا ئېلىشقا موھتاج بولغىدەك دەرىجىدە بىزگە قۇرئان، ۋەز. نەسىھەت ۋە زاھىدانە شېئىرلار كەم بولۇپ قالغىنى يوق

بىز بەزى شېئىرلاردا ياخشىلىققا ئۈندىگۈچى بەزى مەزمۇنلار بارلىقىنى ئىنكار. قىلمايمىز. لېكىن، كۆپىنچە شېئىرلار قەلبلەرنى دۇنيا ھەۋەسلىرىگە مايىل قىلىدۇ ئىنساننى دۇنياغا مايىل قىلىدىغان شېئىرلاردىن ئاخىرەت ئۈچۈن مەنپەئەت كۈتكەن كىشىنىڭ مىسالى، «مەن ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن ئەجەبلىنىش. ئۈچۈن كېلىشكەن، ساقلاسىز يىگىتلەرگە قارايمەن» دېگەن كىشىگە ئوخشايدۇ ياد ۋە- ئۇنداق دېگۈچى يولدىن ئازغۇچىدۇر. چۈنكى، قارىغان چاغدا ئەسلى شەھۋەتنى جەلپ قىلىدىغان نەرسە تەپەككۇر يولىنى دۇئالاشتۇرۇپ، پىكىر قىلىشتىن مەشغۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز دۇنياغا مايىل قىلىدىغان شېئىرلاردىن ئاخىرەت ئۈچۈن مەنپەئەت ئېلىشنى ئىرادە قىلغۇچىنى توسۇپ دەيمىزكى: سەن ھېچقانداق دۇغلاشتۇرغۇچى بولمىغان نەرسىگە، ئاللاھ تائالانىڭ !بۇ سۆزىگە قارا

«ئۇلار ئاسماننى قانداق (تۈۋرۈكسىز) بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟» «50قاف-6»

ھەۋەسلەرگە تارتىپ- بىر كىشى: «ئۇ شېئىرلار باشقىلارنىڭ ئېسىنى ھاۋايى تەسىر قىلغاندەك، ماڭا تەسىر قىلمايدۇ» دېسە، ئىنسان تەبىئىتىگە قارشى بىر دەۋا بىلەن بىلجىرلىغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلىنمايدۇ. پېقىر «تەلبىسۇ ئىبلىس (ئىبلىسنىڭ ئازدۇرۇشى)» دېگەن كىتابىمدا بۇنىڭ ھەممىسىنى مۇكەممەل ئېچىپ سۆزلىدىم. بۇ يەردە گەپنى ئۇزارتىۋېتىشنى خاھلىمايمەن. ئاللاھ. ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر

ياشاش ئەدەبلىرى ۋە پەيغەمبەرلىك ئەخلاقلىرى

بىلگىنكى، تاشقى ئەدەبلەر ئىچكى پەزىلەتلەردىن دېرەك بېرىدۇ. ئەزالارنىڭ ، پىكىر ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ مېۋىسى، ئەمەللەر ئەخلاقنىڭ نەتىجىسى- ھەرىكىتى ئوي - مەرىپەتنىڭ تامچىسىدۇر. قەلب سىرلىرى بولسا ئىش- ئەدەبلەر ئىلىم. ھەرىكەتلەرنىڭ كۆچەتزارلىقى ۋە بۇلاقلىرىدۇر

ئىچ دۇنيايىمىزنىڭ (روھىيىتىمىزنىڭ) نۇرلىرى تاشقى دۇنيايىمىزنى يورۇتىدۇ ۋە زىننەتلەپ گۈزەللەشتۈرىدۇ. قەلبى ئاللاھقا بويسۇنمىغان كىشىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ بويسۇنمايدۇ. كۆكسى ئىلاھىي نۇرلارنىڭ تەكچىسى بولمىغان بىرىنىڭ زاھىرىغا. پەيغەمبەرلىك ئەدەبلىرىنىڭ گۈزەللىكى يۇقمايدۇ بىز ئىلگىرى بۇ ئەدەبلەرنى قايتىلاش بىھاجەت دەرىجىدە بايان قىلىپ ئۆتتۇق بۇ بابتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەدەب ۋە ئەخلاقلىرىدىن بىر قىسىمىنى بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىزكى، بۇ ئارقىلىق بارچە ئەدەب ۋە ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن ئىمانمۇ كۈچلەندۈرۈلگەي ۋە مەھكەم ئورناشقاي. ئۇ زاتنىڭ ئۇلۇغ ئەخلاقىنى ئۆگىنىش بۇنىڭغا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ھەربىر ئەخلاقىي ئىستېدادى ئۇ زاتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك ئەخلاققا، مەرتىبە جەھەتتىن ئىنسانىيەتنىڭ. ئەڭ ئۈستۈنى، ئەڭ ھۆرمەتلىكى ۋە ئەڭ قەدىرلىكى ئىكەنلىكىگە شاھىدتۇر ئەتىۋارى- ئۇنداقتا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بارلىق پېئىل.

!قانداقمۇ ئۇنىڭغا شاھىد بولمىسۇن؟

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى توغرۇلۇق سورالغاندا، مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى، قۇرئان غەزەپلەنگەنگە غەزەپلىنەتتى، قۇرئان مەمنۇن بولغاندىن مەمنۇن بولاتتى». ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقىنى مۇكەممەل قىلغاندا، ئۇ زاتنى ماختاپ: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن!» «68قەلەم-4» دېگەن. ئۆزى ئاتا قىلغان ئەخلاقنى ئاندىن ماختىغان ئاللاھ بارلىق ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاكتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەزى گۈزەل ئەخلاق ۋە سۈپەتلىرى :تۆۋەندىكىچە

رەسۇلۇللاھ كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەپۇچان، ئەڭ سېخىي ۋە ئەڭ مېھرىبان زات. ئىدى

. ۋە ئاياللىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتىكەشىنى، كىيىمىنى ئۆزى يامايتتى چۈمپەردە ئىچىدىكى قىزدىنمۇ ھايالىق ئىدى.

، كېسەللەرنى يوقاليتتى، ئۆزى يالغۇزبىر قۇل چىللىسىمۇ ئىجابەت قىلاتتى ، باشقىلارنى ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىندۈرۈۋالاتتى؛ ھەدىيە قوبۇل قىلاتتىماڭاتتى ۋە ھەدىيە قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى يەيتتى. شۇنداقلا، ھەدىيەگە ھەدىيە ؛ قورسىقىنى تويغۇزغۇدەك ناچار خورما. ئەمما، سەدىقە يېمەيتتىقايتۇراتتى چاغلىق نەرسىمۇ تاپالماي قالاتتى، ئۈچ كۈن ئارقىمۇئارقا بۇغداي نېنىغا تويۇپ. باقمىغان ئىدى ۋە قورسىقىغا ئاچلىقتىن تاش تېڭىۋالاتتى

رەسۇلۇللاھ بارىنى يەيتتى ۋە يېمەكلىكنى پەقەت ئەيىبلەپ باقمىغان ئىدى . ۋە ئالدىدىن يەيتتىبىرنەرسىگە يۆلىنىپ تاماق يېمەيتتى.

رەسۇلۇللاھ گۆشنى بەك ياخشى كۆرەتتى، بولۇپمۇ قوينىڭ ئالدى پۇتىنىڭ، گۆشىنى، ئوتياشلاردىن كاۋىنى، نان تۆگۈرۈپ يەيدىغان نەرسىلەردىن سىركىنى .قۇرۇق خورمىدىن ئەجۋەنى ئەڭ ياقتۇراتتى

رەسۇلۇللاھ تاپقان كىيىمنى كىيەتتى، بەزىدە يوللۇق تون، بەزىدە يۇڭ يەكتەك كىيەتتى. بەزىدە تۆگە، بەزىدە قېچىر، بەزىدە ئىشەك مىنەتتى ۋە يەنە بەزىدە .يالاڭغىداق ياياق ماڭاتتى رەسۇلۇللاھ خۇش پۇراقنى ياخشى كۆرەتتى، بەدبۇي پۇراقلارنى يامان كۆرەتتى.

پەزىلەت ئەھلىنى ھۆرمەتلەيتتى، ئېسىل كىشىلەر بىلەن جەم بولاتتى، ھەممە كىشىگە ئەدەبلىك بولاتتى. ئۆزىگە ئۆزرە ئېيتقان كىشىنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل. قىلاتتى

چاقچاقمۇ قىلاتتى، ئەمما ھەقنىلا سۆزلەيتتى. پەس ئاۋازدا كۈلەتتى، زەررە ۋاقتىنى ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەلسىز ياكى ئۆزىگە مەنپەئەتلىك زۆرۈر ئىشلارسىز. ئۆتكۈزمەيتتى بىرەر ئايالغا ياكى خىزمەتچىگە بەددۇئا قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئاللاھ يولىدىكى جىھادتىن باشقا چاغدا ھېچكىمگە قول كۆتۈرۈپ ئۇرمىغانىدى.

چېگرا دەپسەندە قىلىنمىغۇچە ھېچقاچان ئۆزى- ئاللاھ تائالا قويغان چەك. ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايتتى

ئىككى نەرسە ئارىسىدا تاللاش ئىختىيارىغا قويۇلسا، ئاسىنىنى تالاليتتى. گۇناھ . رەھىمنى ئۈزىدىغان ئىشلاردىن بەك يىراق تۇراتتى- بولىدىغان ياكى سىلە

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئون يىل پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم. ئۇ زات ماڭا بىرەر قېتىممۇ ۋايساپ باقمىدى ياكى قىلغان ئىشىمغا: ‹نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟› ۋەياكى: ‹مۇنداق قىلساڭ.»بولماسمىدى؟› دەپمۇ باقمىدى ئورنىدىن تۇردى، ھالبۇكى قورسىقى تاش بىلەن تېڭىلغان ئىدى» دېگەن. يۇقىرىقى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەدىسلەردە كەلگەندۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىدىن بەزىلىرى ،تۆۋەندىكىچە: «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر، مېنىڭ تاللانغان بەندەمدۇر ئۇ قوپلا، توڭ، بازارلاردا بەك ۋارقىرايدىغان ۋە يامانلىققا يامانلىق قايتۇرىدىغان.»كىشى ئەمەس، بەلكى ئەپۇچان ۋە كەڭ قول كىشىدۇر

ئۇچراشقانلارغا باشتا سالام قىلىش، بىراۋ بىر ھاجەت بىلەن يېنىدىن ئايرىلغان بولسا، ئۇ كىشى قايتىپ كەلگۈچە سەبر قىلىپ كۈتۈپ تۇرۇش، بىرى قولىنى تۇتسا قارشى تەرەپ قولىنى قويۇپ بەرمىگۈچە، ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋەتمەسلىك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقلىرىدىن ئىدى

بىر مەجلىستە قەيەردە ئورۇن بولسا ساھابەلىرى بىلەن ئارىلىشىپ، بەئەينى ئۇلاردىن بىرىدەكلا ئەل قاتارى ئولتۇراتتى، ھەتتا ياقا يۇرتتىن كەلگەن كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قايسى كىشى ئىكەنلىكىنى سورىمىغۇچە .بىلەلمەيتتى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەك ئۇزۇن سۆزلىمەيتتى. سۆزلىگەندە بەك تېز سۆزلىمەيتتى، بەلكى ئالدىرىماي، ئورۇنلۇق سۆزلەيتتى ۋە چۈشىنىشلىك. بولسۇن ئۈچۈن سۆزىنى تەكرارلايتتى كۈچى يېتىپ تۇرۇپ ئەپۇ قىلاتتى ۋە ھېچكىمگە يامانلىقنى راۋا كۆرمەيتتى.

،رەسۇلۇللاھ بەك راستچىل، ئەھدىگە بەك ۋاپادار، يۇمشاق تەبىئەتلىك يولداشلىققا لايىق ئېسىل كىشى ئىدى. رەسۇلۇللاھنى ئۇشتۇمتۇت كۆرگەن كىشى ئۇ زاتتىن ئەيمىنەتتى، سۆھبىتى بىلەن ئۇ زاتنى تونۇشقا مۇيەسسەر بولغۇچىلار ياخشى كۆرۈپ قالاتتى. ساھابەلىرى دۇنيا ئىشى ھەققىدە پاراڭلاشسا، ئۇلار بىلەن دۇنيا، ئىشى ھەققىدە پاراڭلىشاتتى. جاھىلىيەت ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىشىپ كۈلۈشسە .رەسۇلۇللاھ تەبەسسۇم قىلاتتى

رەسۇلۇللاھ كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ شىجائەتلىك كىشى ئىدى. بەزى ساھابەلەر ئېيتىدۇ: «قاتتىق جەڭ بولغاندا بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن.»قوغدىناتتۇق

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكى”

،پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەك ئېگىزمۇ، بەك پاكارمۇ ئەمەس. ئوتتۇرا بوي ئىدى. رەڭگى نۇرانىي، قارامتۇل ئەمەس ئىدى. چېچى ئۇزۇنمۇ ئەمەس، بەك بۈدۈرە ياكى بەك تۈزمۇ ئەمەس، تارىغىلى .. چېچى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا چۈشۈپ تۇراتتىبولىدىغان چاچ ئىدى

رەسۇلۇللاھنىڭ پېشانىسى كەڭ، قەلەمقاش، كۆزلىرى چوڭ ۋە قاپقارا، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، بۇرنى تىك، ئىككى مەڭزى سىلىق، ساقىلى قويۇق ئىدى. بوينى تەڭداشسىز گۈزەل، بەئەينى كۈمۈش تۈۋرۈككىلا ئوخشايتتى. كۆكرىكى كەڭ، قورسىقى بىلەن كۆكسى باراۋەر، ئالىقانلىرى كەڭرى، قوللىرى ئۇزۇن، ئالىقىنى يىپەكتىنمۇ يۇمشاش ! سالام يوللىغاي- . ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا دۇرۇدئىدى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇئجىزىلىرى

ئەھۋالىغا شاھىد- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۈرلۈك ھال ھەرىكىتى، ئىنسانىيەت مەنپەئەتىگە قىلغان- بولغان ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى، ئىش تەڭداشسىز خىزمەتلىرى، ئەقىللىق زاتلار ۋە فەقىھلەر بىر ئۆمۈر تىرىشىپمۇ نازۇك تەرەپلىرىنى ئىگەللەشكە ئاجىز كەلگەن شەرىئەتنىڭ زاھىرىنى شەرھلەشتىكى گۈزەل ئىشارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋەرلىرىنى ئاڭلىغان كىشى بۇنىڭ ھىيلە بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ بولماس بىر مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكىدە شەك قىلمايدۇ. بەلكى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ساماۋى بىر قوللاش، ئىلاھىي بىر كۈچنىڭ ياردىمى بىلەنلا مۇمكىن ئىكەنلىكىگە چىنپۈتىدۇ. بىر ھىيلىگەر ياكى ساختىپەزنىڭ بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەمائىلى / بىئوگرافىيەسى، ئېسىل ئەخلاقى، ھال ۋە ھەرىكەتلىرى .راستچىللىقىنىڭ ئەڭ كەسكىن دەلىلىدۇر

رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇئجىزىلىرىدىن ۋە ئوچۇق دەلىللىرىدىن بىرى ئىنسانىيەت ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز غالىب قۇرئاندۇر. ھەر پەيغەمبەرنىڭ »مۇئجىزىسى ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يوقالغاندۇر، ھالبۇكى «قۇرئان كەرىم. مۇئجىزىسى مەڭگۈ قالغۇسىدۇر

رەسۇلۇللاھنىڭ مۆجىزىلىرى: ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىشى، بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سۇلار چىقىشى، ئازغىنە تائام بىلەن كۆپ كىشىنى تويغۇزۇشى، بىر ئوچۇم شېغىل تاشنى ئېتىشى بىلەن نۇرغۇن مۇشرىكنىڭ كۆزىگە تېگىشى، خورما كۆتىكىنىڭ رەسۇلۇللاھنى سېغىنىپ دەردلىك ئېڭراپ، تۇغۇتى تۇتقان تۆگىنىڭ بوزلىشىدەك ئاۋاز چىقىرىشى، غەيبتىن بېشارەت بېرىشى ۋە ئۇ بېشارەتلەرنىڭ دەل ئۇ زاتنىڭ ئېيتقىنىدەك يۈز بېرىشى قاتارلىقلاردۇر.

رەسۇلۇللاھ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چانىقىدىن چىقىپ كەتكەن كۆزىنى قولى بىلەن ئورنىغا سېلىپ قويغان ۋە ئۇ كۆزلەر ئەڭ گۈزەل كۆزگە ئايلانغان، ئىدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يىرىڭدىغان كۆزىگە تۈكۈرۈپ قويغاندىن كېيىن. دەرھال ساقىيىپ كەتكەن ئىدى

ئۇ زاتنىڭ بۇلاردىن باشقا ھەممە بىلىدىغان، يوشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان يەنە .نۇرغۇن مۇئجىزىلىرى باردۇر

ئاللاھ تائالادىن بىزلەرنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى .ۋە سۈپەتلىرىگە ئەگىشىشكە مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز

«ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا پۈتۈن ھەمدۇسانالار بولسۇن!» «37ساففات-182». ئول ئاللاھ كەرەملىكتۇر، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

ئىزاھاتلار:

  • ئەھمەد (1، 30، 53)؛ ئەبۇ داۋۇد (4338)؛ تىرمىزىي (2168)؛ ئىبنى ماجە (4005)؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە» (1564) دە «سەھىھ» دېگەن.
  • ئەھمەد (6521)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (7140). ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە» (1264) دە «زەئىف» دېگەن.
  • ئەھمەد (11159)؛ ئەبۇ داۋۇد (4344)؛ ئىبنى ماجە (3241، 4011، 4012). ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە» (491) دە «سەھىھ» دېگەن.
  • مۇسلىم (49).
  • ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ»، 5/317.
  • ئىبنى ئەساكىر: «تارىيخۇ مەدىنەتى دىمەشق»، 40/368.
  • ھۇمەيدىي: «جەزۋەتۇل مۇقتەبىس»، 1/108.
  • ئۆمەر ئىبنى شەببە ئەننۇمەيرىي: «ئەخبارۇلمەدىنە» (760). سەنەدى زەئىف.
  • دەينۇرىي: «ئەلمۇجالەسە ۋەجەۋاھىرۇلئىلىم» (3456).
  • دەينۇرىي: «ئەلمۇجالەسە ۋەجەۋاھىرۇلئىلىم» (615).
  • بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان» (7024). ھاكىم بىلەن زەھەبىي: «زەئىف» دېگەن.
  • ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىيائ»، 2/149.
  • بۇخارىي (2585). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
  • ئەبۇ داۋۇد (4514)؛ ئالبانىي: «سەھىھۇلجامىئ» (4881) دە «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
  • بۇخارىي (4101): جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇردى، ھالبۇكى قورسىقى تاش بىلەن تېڭىلغان ئىدى» دېگەن.
  • ئەبۇ داۋۇد (3772)؛ ئالبانىي: «سەھىھۇلجامىئ» (4840) دە «سەھىھ» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
  • بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6038)؛ مۇسلىم (2309).
  • يۇقىرىقى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەدىسلەردە كەلگەندۇر.
يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.