3-قىسىم: ھەكىم ئىبنى ھىزامدىن جەئفەرگىچە (21–30-ساھابىلەر)
This content is not yet available in your language.
ھەكىم ئىبنى ھىزام
بۆلۈم: “ھەكىم ئىبنى ھىزام”سىز بۇ ساھابە ھەققىدە ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ تارىختا خاتىرىلىنىشىچە ئۇ بۈيۈك كەبە شەرىفنىڭ ئىچىدە تۇغۇلغان بىردىن بىر بوۋاق ئىكەن.
ئۇنىڭ ئۇ يەردە تۇغۇلۇپ قېلىش سەۋەبى مۇنداق بولغان: بىر كۈنى ئۇنىڭ ئانىسى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوچۇق قالغان كەبە شەرىفنىڭ ئىچىگە بىر تۈركۈم ئاياللار بىلەن بىرلىكتە ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كىرگەن ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغان بۇ ئانىنىڭ تۇلغۇقى تۇتىدۇ. تولغاق ئازابىدىن ئۇ كەبىدىن قايتىپ چىقىشقا ئامالسىز قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاستىغا بىر پارچە تېرە سېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇ بوۋاقنى ئاشۇ تېرە ئۈستىگىلا تۇغىدۇ. مانا بۇ بوۋاق خۇۋەيلىدنىڭ ئوغلى ھەكىم ئىدى.
ئۇ خۇۋەيلىدنىڭ قىزى بولغان خەدىچە ئانىمىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاللاھ خەدىچە ئانىمىزدىن رازى بولسۇن ھەم ئۇنى رازى قىلسۇن! ھەكىم ئىبنى ھىزام نەسەبى ئېسىل، يۈز ـ ئابرۇيلۇق، بايلىقى كۆپ ئېسىل ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ ئەقىللىق، پەزىلەتلىك، ئېسىل كىشى بولۇپ يېتىلگەچكە قوۋمى ئۇنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك ئىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىدى. ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇن كەبىنى تاۋاپ قىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلەرگە ئۆز مېلىدىن سەرپ قىلىپ بېرەتتى.
ھەكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ دوستى ئىدى. گەرچە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بەش ياش چوڭ بولسىمۇ بۇ ئىككىسى ناھايىتى ئىناق ئۆتەتتى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدىن ھۇزۇر ئالاتتى. ئۇلار بىر- بىرىگە دوستلۇقلىرىنى يەتكۈزۈشەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەكىمنىڭ ھاممىسى بولغان خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانىدى. ئەمما سىز بۇلارنى ئاڭلاپ بولۇپ ئۇنىڭ ئىسلام كېلىپ ئارىدىن يىگىرمە يىلدىن كېيىن، ھەتتا مەككە فەتھى قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن ئىمان ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىسىڭىز بەلكىم ھەيران قالارسىز. بەلكىم سىزدىمۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ئېڭىدا پەيدا بولۇشى ئېھتىمالى بولغان: «ھەكىم ئىبنى ھىزامغا ئوخشاش ئاللاھ تەرىپىدىن ئەقىل ـ پاراسەتلىك قىلىپ يارىتىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش سەۋەبىگە ئىگە قىلىنغان بىر كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا ئەڭ ئاۋۋال ئاۋاز قوشمىغىنى قانداق گەپ؟» دېگەننى ئويلىغان بولۇشىڭىز ئېھتىمال، لېكىن ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىمان ئېيتىشى شۇكەمگىچە كېچىكتۈرۈلدى. ئاللاھ ھەر ئىشتا ھېكمەتلىك زاتتۇر.
خۇددى ھەر بىر ئادەم ئۇنىڭ شۇنچىلىك كېچىكىپ ئىمان كەلتۈرگىنىگە ھەيران قالغىنىدەك ئۇمۇ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغاندىن، يەنى شېرىك ئەقىدىدىن يېنىپ تەۋھىد ئەقىدىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىماننىڭ تەمىنى تېتىشى بىلەنلا ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى يالغانغا چىقىرىپ ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇتلىرىغا نىسبەتەن قاتتىق ھەيران قالغان ھالدا پۇشايمان قىلدى.
ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ ئىمان ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
-
ئى ئاتا سىزنى يىغلاتقان نەرسە زادى نېمە؟ - دەپ سورىۋىدى ئۇ:
-
ئى بالام! مېنى يىغلاتقان ئىشلار ناھايىتىمۇ كۆپ!
ئۇنىڭ بىرى، مېنىڭ بارلىق ياخشى ئىشلارغا باشلايدىغان ئىسلامغا كېچىكىپ كىرگەنلىكىم، مەن ھازىر پۈتۈن زېمىن توشقۇدەك ئالتۇننى تۆلىسەممۇ بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايمەن، مەن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بەدىر ۋە ئوھۇد كۈنلىرىدىكى جەڭلەردە ئامان قالدىم، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆز ـ ئۆزۈمگە: ‹ئەمدى مەن مۇھەممەدكە قارشى قۇرەيشلەرگە ھەرگىز ياردەم بەرمەيمەن ھەم مەككىدىنمۇ چىقمايمەن› دەپ ۋەدە بەرگەنىدىم، لېكىن ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا مەن يەنە مۇھەممەدكە قارشى قۇرەيشلەرگە ياردەم بېرىشكە مەجبۇرلاندىم. مەن ھەر بىر قېتىم ئىسلامغا كىرىشنى ئويلىغىنىمدا قۇرەيشلەرنىڭ ياشتا چوڭ، ئابرۇيلۇق كىشىلىرى ئۆز ئەقىدىلىرىدە مەھكەم تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى توغرا دېگەن ئوي باش كۈتۈرەتتى ـ دە، يەنە ئۇلارغا ئەگىشىپ كېتىۋېرەتتىم. ھەي ئىسىت، شۇنداق قىلمىغان بولسامچۇ! بىزنى پەقەت ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغا ۋە چوڭلارغا ئەگىشىشلا ھالاك قىلىۋەتتى، ئى ئوغلۇم، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن قانداقمۇ يىغلىماي تۇرالايمەن، - دەپلا جاۋاب بەردى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ دائىم «ھەكىمدەك ئەقىللىق بىر ئىنسانغا ئىسلام قانداق قىلىپ شۇنچە مەخپىي ۋە چۈشىنىكسىز بولۇپ قالغاندۇ؟» دەپ ھەيران بولاتتى ۋە ئۇنىڭ شۇنداقلا ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشىگە تولىمۇ ھېرىسمەن بولاتتى. شۇڭا مەككىنى فەتھى قىلىشتىن ئىلگىرىكى بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: «مەككىدە تۆت ئادەم بار، مەن ئۇلارنىڭ شېرىكلىكتە قىلىشىغا چىدىمايمەن، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كېرىشىگە قىزىقىمەن» دېگەندە ساھابىلەر: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۇلار كىملەر؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلار، ئەتتاب ئىبنى ئۇسەيد، جۇبەير ئىبنى مۇتئىم، ھەكىم ئىبنى ھىزام ۋە سۇھەيل ئىبنى ئەمرى» دېگەنىدى. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغىلى كىرگەندە ھەكىم ئىبنى ھىزامنى ھۆرمەتلەشنى مەقسەت قىلىپ ئۆزىنىڭ جاكارچىسىغا: ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق! ئۇنىڭ شېرىكى يوق! ئۇ يەككە يىگانىدۇر! مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ھەم ئەلچىسى! دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن ئادەم ئەمىندۇر، كەبىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ قورالىنى قويۇپ قويغان ئادەم ئەمىندۇر!… ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋالغان ئادەم ئەمىندۇر! ئەبۇ سوفياننىڭ ھويلىسىغا كىرىۋالغانلار ئەمىندۇر! ھەكىم ئىبنى ھەزامنىڭ ھويلىسىغا كىرىۋالغانلار ئەمىندۇر! دەپ جاكارلاشقا بۇيرۇدى. ئەبۇ سوفياننىڭ ھويلىسى مەككىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە، ھەكىم ئىبنى ھەزامنىڭ ھويلىسى مەككىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئىدى.
ھەكىم ئىمان ئېيتقاندىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىمان ئېيتتى، شۇنداقلا بۇندىن بۇرۇن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلغان ھەر بىر يامانلىقىنى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ياخشىلىق بىلەن يۇيۇشقا ۋەدە قىلدى.
ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى، ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق توغرىسىدىكى ئىشلاردىن بىرى: ئۇ ئەسلىدە «دارۇننەدۋە» دەپ ئاتىلىدىغان مەجلىسخانىنىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئۇ ئىسلامدىن بۇرۇنقى ھاياتىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇش ئۈچۈن قۇرەيشلەرنىڭ كاتتىلىرى يىغىلىپ ئىسلام ئۈچۈن سۇيىقەستلەرنى پىلانلايدىغان بۇ جاينى يۈزمىڭ دىرھەمگە سېتىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىدىن ھەيران قالغان قۇرەيش ياشلىرىدىن بىرى: «ئى تاغا! سەن قۇرەيشلەر ئەڭ پەخىرلىنىدىغان بىر جايىنى سېتىۋەتتىڭ» دېۋېدى ھەكىم ئۇنىڭغا: «ئى ئوغلۇم!
پەخىرلىنىدىغان ئۇ ئىشلار تۆگىدى، ئۇنىڭ ئورنىغا پەخىرلىك ئىشلارلا قالدى، مەن ئۇنى جەننەتتىن ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن سېتىۋەتتىم، مەن سىلەرنى گۇۋاھ قىلايكى! مەن ئۇنى ساتقان پۇللارنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىۋەتتىم» دېدى.
ھەكىم ئىبنى ھەزام ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ھەج قىلدى، ئۇ ھەجىدە چىرايلىق بېزەلگەن يۈز تۇياق تۆگىنى ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلدى. ئىككىنچى يىلى ھەجىدە ئۇ ئەرەفاتتا تۇردى. ئۇنىڭ يېنىدا يۈز نەپەر قۇلى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بوينىغا ھەكىم ئىبنى ھىزامنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇللىرى، دېگەن خەت يېزىلغان ئالتۇن تاختىلار ئېسىلغان بولۇپ ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازات قىلىۋەتتى.
ئۈچىنچى ھەجىدە ئاللاھ يولىدا 1000 دانە قوينى قۇربانلىق قىلدى. بۇ قويلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قېنىنى مىنادا ئاققۇزدى. قويلارنىڭ گۆشلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ پېقىرلىرىغا تارقىتىپ بەردى.
ھۇنەين غازىتىدىن كېيىن ھەكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن غەنىمەتلەردىن سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا غەنىمەتلەرنى بەردى، ئۇ سوراۋەرگەچكە ھەتتا ئۇنىڭغا بېرىلگەن تۆگىنىڭ سانى يۈزگە يەتتى، بۇ تېخى ھەكىمنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىغا ئۇزۇن بولمىغان، ئىمان ئۇنىڭ دىلىغا تېخى تازا ئورنىشىپ كەتمىگەن بىر چاغ ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئى ھەكىم! مال ھەقىقەتەن ناھايىتى شېرىن نەرسە، ئۇنى كىمكى قانائەتچانلىق بىلەن ئالسا ئۇنىڭ بەرىكىتى بولىدۇ، ناۋادا ئاچ كۆزلۈك بىلەن ئالسا ئالغۇچىغا ھېچبىر مەنپەئەت بەرمەيدۇ، ئۇ خۇددى يەپ تويمايدىغان كىشىگە ئوخشايدۇ، بەرگەن قول ئەلۋەتتە ئالغان قولدىن ياخشى» دېۋېدى ھەكىم شۇئان: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سېنىڭدىن كېيىن ھېچكىمدىن بىرنەرسە سورۇمايمەن، دېدى. ھەكىم بۇ قەسىمىگىمۇ ناھايىتى ياخشى ئەمەل قىلدى. ئەبۇ بەكرىنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئابابەكرى ئۇنىڭ دۆلەت خەزىنىسى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ھەققىنى ئېلىۋېلىشقا شۇنچە دەۋەت قىلسىمۇ ئۇ ئېلىشقا پەقەتلا ئۇنىمىدى.
خەلىپە ئۆمەرنىڭ دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ئۇ نېسىۋىسىنى ئېلىۋېلىشقا چاقىرىلغان چاقىرىققا پەقەتلا ئۇنىمىدى. بۇ چاغدا ئۆمەر كىشىلەرگە: «ئى خالايىق! سىلەر گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن ھەكىمنى نېسىۋىسىنى ئېلىۋىلىشقا چاقىرغان ئىدىم، ئۇ ئالغىلى ئۇنىمىدى» دېدى.
ھەكىم تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچكىمدىن بىر نەرسە ئالماي ئۆتتى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە ئۇنى رازى قىلسۇن!
رەملە بىنتى ئەبۇ سوفيان
بۆلۈم: “رەملە بىنتى ئەبۇ سوفيان”ئۇممۇھەبىبە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن، كۇفرىغا قايتىشنى بولسا خۇددى ئىنسان ئوتقا كىرىشنى يامان كۆرگىنىدەك يامان كۆرگەن ئايال ساھابىدۇر.
- تارىخچىلار
ئەبۇ سوفيان قۇرەيش قەبىلىسىدىن بىرەر كىشىنىڭ ئۆزىگە قارشى چىقالايدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ مۇھىم قارارلىغا قارشىلىق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. چۈنكى، ئۇ مەككىدىكى ھەممىگە گېپى ئۆتىدىغان، ھەر ـ ھەر كاتتىۋاشلارمۇ ئۇنىڭ دېگىنىدىن چىقمايدىغان كاتتىۋاش ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ئۇممۇ ھەبىبە دەپ ئاتىلىدىغان قىزى رەملە ئېرى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى جەھشى بىلەن بىرگە بىر ئاللاھقا ئىشىنىش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلاش ئارقىلىق، ئەبۇ سوفياننىڭ يۇقىرقىدەك ھەيۋىسىگە قارشى ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ كۆرەڭلىكىنى يەرگە ئۇردى.
ئەبۇ سوفيان بارلىق ئامال ـ چارىلەرنى، تەھدىت ـ تەقىبلەرنى قوللىنىپ قىزى بىلەن كۈيئوغلىنى بۇ يېڭى دىندىن چىقىرىپ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ دىنىغا قايتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىردىن ھېچ بىر نەتىجە چىقمىدى. رەملەنىڭ دىلىغا ئورۇنلاشقان ئىماننىڭ يىلتىزى شۇ قەدەر مۇستەھكەم ئىدىكى، ئاتىسىنىڭ بارلىق قاتتىق ـ يۇمشاق تەھدىت، تەقىپلىرى سالغان ئازاب ـ ئوقۇبەتلىرى ئۇنى ئۆز ئىرادىسىدىن ھېچ تەۋرىتەلمىدى.
رەملەنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئەبۇ سوفياننى ناھايىتى بەك پاراكەندە قىلىۋەتتى. قىزىنىڭ ئۇنىڭ رايىغا باقمىغانلىقى، مۇھەممەدكە ئەگىشىشتىن قەتئىي يانمىغانلىقى ئۇنىڭ بۇ ھەقتە قىزىغا ئىشلەتكەن بېسىملىرىنىڭ قىلچە كارغا كەلمىگەنلىكى ئۇنى قۇرەيشلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەس قىلىپ قويغانىدى.
قۇرەيشلەر ئەبۇ سوفياننىڭ قىزىغا ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يۈرىكى توملاپ رەملە بىلەن ئېرى ئىككىسىنى قاتتىق قىيىن ـ قىستاققا ئېلىپ ۋە ئازابلاپ ئۇلارنى مەككىدە تۇرالمىغۇدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىغان چاغدا رەملە بىلەن ئېرى كىچىك بالىسى ھەبىبەنى ئېلىپ ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھى نەجاشىنىڭ ھىمايىسىگە ئۈمىدلىنىپ ماڭغان مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە ئاللاھقا خاتىرجەملىك بىلەن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. بىراق ھەبەشىستانغا قېچىپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ يەردە خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ ياخشى ياشاۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئەبۇ سوفيان باشلىق قۇرەيش كاتتىلىرى بۇ ئىش ئۈچۈن ناھايىتى ئازابلاندى. چۈنكى ئۇلارغا بۇ ھار كەلگەن ئىدى.
ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ نەجاشىغا ئۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆچ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز دىيارىدا تۇرغۇزماستىن قايتۇرۇۋېتىش، «مۇسۇلمانلار مەريەم ئوغلى ئىسا ھەققىدە بوھتان چاپلايدۇ» دېيىش ئارقىلىق نەجاشىنىڭ زىتىغا تېگىپ مۇسۇلمانلارنى كەلگەن ئەلچىلەرگە قايتۇرپ بەرگۈزۈش ئۈچۈن نۇرغۇن سوغا ـ سالاملار بىلەن ئىككى ئەلچىنى ھەبەشىستانغا ئەۋەتتى. ئەلچىلەرنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىغان نەجاشى ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغۇچى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرىنى ھۇزۇرىغا چاقىرتتى ۋە ئۇلاردىن سوئال سورىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىلى ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان ئىسلام دىنىنىڭ قانداق دىن ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى نېمىلەرگە بۇيرۇغانلىقىنى، مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئاللاھنىڭ قانداق ئايەتلەرنى نازىل قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇلارنى ئاڭلىغان نەجاشى تەسىرلەنگەنلىكىدىن يىغلاپ ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەقىقىي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىن بىلەن بىر مەنبەدىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئىپىسكوپلىرى ئىمان ئېيتمىغان ھالەتتىمۇ مۇسۇلمانلارنى ئەلچىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرمەستىن ئۆز ھىمايىسىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھەقىقىي بىر ھىمايىگە ئېرىشكەنلىكىدىن سۆيۈنگەن رەملە (ئۇممى ھەبىبە): ئەمدى كۈنلەر ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتىدىغۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەپسۇس ھېكمەت ئىگىسى ئاللاھ ئۇنى خېلى ـ خېلى كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى گاڭگىرتىدىغان، ئويلىمىغان بىر ئېغىر سىناق بىلەن سىناشنى خالىدى ۋە ئۇنىڭ بۇ سىناقتىن ئەجىرگە ئېرىشكەن ھالدا ئۆتۈشىنى بەلگىلىدى. بىر كۈنى ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە ئېرى ئۇبەيدۇللاھنىڭ قاتمۇقات قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرگەنلىكىنى، ئۇنى قات ـ قات زۇلمەتنىڭ تېخىمۇ بەك قورشاۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ناچار بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ ئۇيقۇسىدىن ناھايىتى قورققان ھالدا چۆچۈپ ئويغاندى، لېكىن ئۇ بۇ چۈشىنى نە ئېرى نە باشقا بىرىگە دېيىشنى پەقەتلا خالىمىدى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ چۈشى رىئالىققا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئېرى ئۇبەيدۇللاھ ئىسلام دىنىدىن يېنىپ خرىستىئان دىنىغا كىرىپ كەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ھاراقتىن ئىبارەت بۇ نىجىسكە بېشىچىلا دۈم چۈشۈپ قاۋاقخانىلاردىن بېرى كەلمەس، تاشلاش ئۇياقتا تۇرسۇن بارغانچە ئىچىپ قانماس بولدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئايالى ئۇمۇ ھەبىبەنى بىر ـ بىرىدىن قورقۇنچلۇق ئىككى خىل تاللاشتىن بىرىنى تاللاشقا قىستىدى. ئۇ ئىككى خىل تاللاشنىڭ بىرى ئېرى بىلەن ئاجرىشىش يەنە بىرى خرىستىئان دىنىغا كىرىش ئىدى.
ئۇممۇ ھەبىبە بۇ ئېغىر تاللاشلارغا ئۈچىنچى بىر خىل تاللاشنىڭ قوشۇلغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ بولسىمۇ ئىسلام دىنىدىن يېنىپ خرىستىئان دىنىغا كىرمىگەن ئەھۋالدا (ئۇنداق ئىشنى ئۇممۇ ھەبىبە بەدىنىنى تۆمۈر تاغاقلار بىلەن تاراپ تىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ قىلمايتتى) ئېرىدىن ئاجرىشىپ ياكى مەككىگە دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ دىنى خارلانغان ھالدا مەھكۇم بولۇپ ياشاش ۋە ياكى ھېچقانداق ئۇرۇق ـ تۇغقانسىز، يۈلەنچۈكسىز ھالدا بۇ يات ئەلدە تەنھا ياشاش. ئۇ ئاخىرى دىنى ئۈچۈن ئۈچىنچى يولنى تاللاپ تاكى ئاللاھ بىر چىقىش يولى بەرگىچە ھەبەشستاندا ياشاپ قىلىش قارارىغا كەلدى.
ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ كۆتىشى ئۇزاققا بارمىدى. ئۇنىڭ خرىستىئان دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ئانچە ئۇزاق ياشىمايلا ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىگە تۇتقان ئىددىتى توشۇش بىلەنلا ئۇنىڭغا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خۇشاللىق قۇچاق ئاچتى. ئۇنىڭ ۋاقىتسىز غەم ـ قايغۇ تۇمانى قاپلىۋالغان ئۆيىنىڭ ئۈستىگە بەخت قۇشى قانات قېقىپ كەلدى.
قۇياش نۇرى كۈلۈپ باققان بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئىشىكى يەڭگىلگىنە چېكىلدى. ئىجازەتتىن كېيىن پادىشاھ نەجاشىنىڭ خاس خىزمەتچىسى ئەبرەھە ئەدەپ بىلەن كىرىپ ئۇممۇ ھەبىبەگە ئېھتىرام بىلەن:
- پادىشاھ نەجاشى سىزگە سالام يوللىدى. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدنىڭ سىزگە توي تەكلىپىنى قويغانلىقىنى سىزگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ئالدىڭىزغا مېنى ئەۋەتتى، مۇھەممەد سىزنى ئۆزىگە نىكاھلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت ئەۋەتىپتۇ. سىزمۇ خالىغان بىرىنى ئۆزىڭىزگە ۋەكىل قىلىڭ، - دېدى.
ئۇمۇ ھەبىبە خۇشاللىقىدىن:
-
ئاللاھ ساڭا خۇش خەۋەر بەرسۇن! ئاللاھ ساڭا خۇش خەۋەر بەرسۇن!
-
دەپ توۋلاپ كەتتى ۋە شۇ ھامانلا تاقىۋالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى چىقىرىپ، قولىدىكى بىلەيزۈكىگە قوشۇپ ئەبرەھەگە سۆيۈنچە قىلىپ بېرىۋەتتى. ئاندىن يەنە ھالقىسى بىلەن خال ـ خالىنى، ئۈزىكىنى چىقىرىپ ئۇنىمۇ قوشۇپ بەردى. ناۋادا ئۇ دۇنيادىكى ھەممە ئالتۇن كانلىرىغا ئىگە بولغىنىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەبرەھەگە سۆيۈنچە قىلىپ بەرگەن بولاتتى. ئاندىن ئۇ ئەبرەھەگە، - مەن ئۆزۈمگە خالىد ئىبنى سەئد ئىبنى ئاسنى ۋەكىل قىلدىم. ئۇ كىشىلەردىن ماڭا ئەڭ يېقىن بولغىنى، - دېدى.
نەجاشىنىڭ ھەبەشىستاندىكى قويۇق دەل ـ دەرەخ، گۈل ـ چېچەك بىلەن بېزەلگەن گۈزەل باغچىلىرىنىڭ بىرىگە جايلاشقان، چىرايلىق زىننەتلىنىپ تۇچ چىراغلار بىلەن يورۇتۇلغان ھەشەمەتلىك بىر زالىدا ئۇممۇ ھەبىبەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلاش سورۇنى تۈزۈلدى، بۇ سورۇنغا ھەبەشىستاندىكى مۇھاجىر ساھابىلەردىن جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ، خالىد ئىبنى سەئد ئىبنى ئاس، ئابدۇللاھ ئىبنى ھوزافەتەسسەھمىدەك ئابرۇيلۇق ۋە مەرتىۋىلىك رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، سورۇن ئەھلىنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ بولغاندا نەجاشى ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇدى ئاندىن:
- ھەممىدىن ئۇلۇغ، مۆمىنلەرگە خاتىرجەملىك بەرگۈچى، كافىرلارغا قاتتىق قول بولغۇچى ئاللاھنى مەدھىيىلەيمەن! بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ھەمدە ئىسا ئىبنى مەريەم بېشارەت بەرگەن كىشى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن! مەقسەت: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن ئەبۇ سوفياننىڭ قىزى ئۇممۇ ھەبىبەنى ئۆزىگە نىكاھلاپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلىپتۇ. مەن ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدۇم. مەن ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرئىتى بويىچە ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ تويلۇقى ئۈچۈن مۇھەممەدكە ۋاكالىتەن 400 دىنار ئالتۇن بەردىم! - دەپ دىنارلارنى ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ ۋەكىلى خالىد ئىبنى ئاسنىڭ ئالدىغا تۆكتى…
ئاندىن خالىد ئورنىدىن تۇرۇپ:
-
ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكۈرلەر بولسۇنكى، مەن ئاللاھنى مەدھىيىلەيمەن! ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيمەن، كەچۈرۈم سورايمەن، ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەن، مۇھەممەدنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن! گەرچە كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئۆز دىنىنى بارلىق دىنلاردىن يۇقىرى قىلىش ئۈچۈن توغرا ۋە ھەق بولغان دىن بىلەن پەيغەمبىرىنى بىزگە ئەۋەتتى! مەقسەت: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ مېنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلغۇچى ئۇممۇ ھەبىبەنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ بەردىم. ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بەرىكەت بەرسۇن! ئۇمۇ ھەبىبەگە ئاللاھ تەقدىر قىلغان ياخشىلىقلار بىلەن مۇبارەك بولسۇن!… -دېدى ۋە تويلۇق دىنارلارنى ئېلىپ باشقىلار بىلەن بىرگە قايتىشقا تەمشەلدى. بۇ چاغدا نەجاشى:
-
ئولتۇرۇڭلار! توي قىلغاندا تاماق بېرىش پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى، - دېدى ۋە داستىخان راسلاپ تويلۇق تاماق بەردى. كىشىلەر تويلۇق تاماقنى يەپ ئاندىن تارقاشتى.
ئۇممۇ ھەبىبە مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “ئۇممۇ ھەبىبە مۇنداق دەيدۇ:”ماڭا بېرىلگەن تويلۇق مال ماڭا يېتىپ كەلگەندە مەن ئەبرەھەگە ئۇنىڭدىن 50 مىسقال ئەۋەتىپ بەردىم ۋە: ‹سەن ماڭا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگىنىڭدە مېنىڭدە مال يوق ئىدى› دېدىم. ئۇزاق ئۆتمەي ئەبرەھە كېلىپ مەن ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن ئالتۇن بىلەن ئالدىنقى قېتىمدا مەن ئۇنىڭغا سۆيۈنچە ئورنىدا بەرگەن زىبۇزىنەتلىرىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى ۋە:
- پادىشاھ مېنىڭ سىزدىن بىر نەرسە ئالماسلىقىمنى تاپىلىدى ۋە ئاياللىرىدا بار بولغان خوش پۇراق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرىشىمنى تاپىلىدى، - دېدى.
ئەتىسى ئۇ ماڭا ۋەرەس، ئۇد ۋە ئەنبەر ئېلىپ كەپتۇ. ئاندىن ئۇ ماڭا، - مېنىڭ سىزگە بىر ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى، - دېدى. مەن ئۇنىڭدىن:
- قېنى دەڭ ئۇ نېمە ئىشتى؟ - دەپ سورىدىم. ئۇ مەن مۇھەممەدنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، پەيغەمبەرگە مەندىن سالام دەڭ ھەم ئۇنىڭغا مېنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ، بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ! - دەپ جېكىلىدى، ئاندىن مېنى جابدۇدى.
مەن مەدىنىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىندىم، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەندە نىكاھ ئىشلىرىمىزنىڭ جەريانىنى، ئەبرەھەگە مۇناسىۋەتلىك گەپ ـ سۈزلەرنى ئۇنىڭغا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم ۋە ئەبرەھەنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىدىن خەۋەر بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبرەھەدىن سۆيۈنۈپ: « ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى، بەرىكىتى ۋە رەھمەتلىرى بولسۇن!» دېدى…
ۋەھش ئىبنى ھەرپ
بۆلۈم: “ۋەھش ئىبنى ھەرپ”ۋەھش - كىشىلەر ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالسىلا ئەڭ ياخشى بولغان ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، شۇنداقلا كىشىلەردىن ئەڭ ئەسكى ئادەمنى ئۆلتۈرگەن كىشىدۇر.
- تارىخچىلار
ئوھۇد ئۇرۇشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ھەمزە ئىبنى ئەبۇ مۇتەللىپنى ئۆلتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلىنى خۇن قىلغان بولسا، يامامە ئۇرۇشىدا مۇسەيلىمە كاززاپنى ئۆلتۈرۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىغا مەلھەم بولغان بۇ كىشى كىم؟ بۇ كىشى دەل ئەبۇ دەسەمە دەپ ئاتالغان ۋەھش ئىبنى ھەربىلھەبشى دېگەن كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئاڭلىغان كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان ئاجايىپ ئېچىنارلىق بىر كەچۈرمىشى بار. ئۇ ئاچچىق كەچمىش ھېكايىسىنى ئۆز تىلىدىن شۇنداق بايان قىلىدۇ:
مەن قۇرەيش كاتتىلىرىنىڭ بىرى بولغان جۇبەير ئىبنى مۇتئىمنىڭ قۇلى ئىدىم. خوجايىنىمنىڭ تاغىسى تۇئەيمە بەدرى كۈنى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، خوجايىنىم بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى بەك قايغۇردى. ھەم تاغىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتىلنى ئۆلتۈرۈشكە بۇتلىرى لات، ئۇززا بىلەن قەسەم قىلدى. ئۇ ھەمزىنى ئۆلتۈرۈشكە پۇرسەت كۈتۈشكە باشلىدى.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي قۇرەيشلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يوقىتىش، بەدىردە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن قوشۇن توپلاپ، پۇختا تەييارلىنىپ قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى ئەبۇ سوفيانغا تاپشۇردى، ئەبۇ سوفيان قوشۇندىكىلەرنى ئۇرۇشقا قىزىقتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ جەڭدە چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەدىردە دادىلىرى ۋە باشقا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگەن نەسەبى ئېسىل ئاياللاردىن بىر قانچىنى ئۇرۇشقا بىللە ئېلىۋېلىشنى قارار قىلدى. ئەبۇ سوفياننىڭ ئايالى ھىند بىرگە چىققان ئاشۇ ئاياللار بىلەن بىرگە ماڭدى. بەدىر كۈنى ھىندنىڭ دادىسى ۋە بىر تۇغقان ئەر قېرىندىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
قوشۇن سەپەرگە ئاتلىنىشنىڭ ئالدىدا خوجايىنىم جۇبەير ماڭا:
-
ئى ئەبۇدەسەمە! سەن قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشنى خالامسەن؟ - دەپ سورىدى
-
مېنى كىم ئازات قىلىدۇ؟ - دەپ سورىدىم.
-
مەن.
-
قانداق شەرت بىلەن؟
-
تاغامنىڭ قىساسى ئۈچۈن مۇھەممەدنىڭ تاغىسى ھەمزىنى ئۆلتۈرسەڭ.
-
بۇنىڭغا كىم كېپىل بولىدۇ؟
-
كىمنى كېپىلىككە تالىساڭ تاللا، مەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇۋاھ قىلىمەن.
-
ماقۇل! - دېدىم مەن.
مەن ئەسلى ھەبەشىستانلىق بولۇپ نەيزە ئېتىشقا ئۇستا ئىدىم. ئاتقان ھەر بىر نەيزەم نىشاندىن ھەرگىز خاتا كەتمەيتتى. مەن نەيزەمنى ئېلىپ قوشۇن بىلەن بىرگە يولغا چىقتىم. مەن قوشۇننىڭ ئارقىسىدا ئاياللارغا يېقىن ئارىلىقتا ماڭدىم، مېنىڭ ئۇرۇشقا چىقىشتا ئازات بولۇشتىن باشقا ھېچقانداق غەرىزىم يوق ئىدى.
سەپەر ئۈستىدە كېتىۋاتقىنىمىزدا مەن ھەر قېتىم ھىند بىلەن ياندىشىپ مېڭىپ ياكى ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزدا ئۇ، قولۇمدىكى قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇرغان نەيزەمگە قاراپ ماڭا:
- ئى ئەبۇ دەسەمە! ئۆزەڭگىمۇ ۋە بىزگىمۇ ئىچىڭ ئاغرىسۇن!… - دەيتتى.
بىز ئوھۇدقا يېتىپ بېرىپ ئىككى تەرەپ ئۇچراشقاندا جەڭ مەيدانىدا ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىبنى تاپتىم. مەن ئۇنى بۇرۇنلا تونۇيتتىم. مەنلا ئەمەس ئۇنى ھەممە كىشى تونۇيتتى. چۈنكى ئۇ ئەرەب باتۇرلىرىنىڭ نوچىلىرى قىلىدىغاندەك ھەمىشە بېشىغا تۆگە قۇشىنىڭ پېيىنى قىستۇرۋالاتتى. ئۇ سەپ ئوتتۇرىسىدا كۈلرەڭ ئاتقا مىنگەن ھالدا پەيدا بولدى. ئۇ ئۇچرىغاننى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئىلگىرىلاۋاتاتتى، ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيتتى. مەن تاش ۋە دەرەخلىك بىر يەردە ئۈزۈمنى دالدىغا ئالغاچ ئۇنىڭ يېقىنلىشىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم.
دەل مەن ئۇنى نىشانغا ئالغان ۋاقتىمدا قۇرەيشلەر ئىچىدىن سىبا ئىبنى ئابدۇل ئۇززا دەپ ئاتىلىدىغان بىرىمۇ ئات ئۈستىدە ۋاقىرىغان پېتى يېتىپ كېلىپ:
-
ئى ھەمزە! مەن بىلەن ئېلىش، مەن بىلەن ئېلىش!-دەپ ئۇنىڭغا مەيدان ئوقۇدى.
-
ئى مۇشرىكنىڭ كۈچىكى! كەلمەمسەن! قېنى ئالدىمغا كەل! دەپلا، ھەمزە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى بىر قىلىچ بىلەنلا چېپىپ تاشلىدى.
«مەن بۇ چاغدا ھەمزىنى نىشانغا ئېلىش ئۈچۈن ئۆزۈم تالىغان مۇۋاپىق بىر يەردە تۇردۇم ـ دە نىشانىمغا ئىشەنچ قىلغان ھامان نەيزىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتىم. ئاتقان نەيزەم ھەمزىنىڭ قورسىقىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن كىرىپ ئىككى پۇتۇنىڭ ئارسىدىن چىقتى. ئۇ ئالدىغا قاراپ ئىككى- ئۈچ قەدەم چامدىدىيۇ يىقىلدى. مەن تاكى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئېنىق جەزم قىلغانغا قەدەر نەيزەمنى ئۇنىڭ جەسىتىدىن چىقارماي ساقلاپ تۇرۇپ ئاندىن چىقاردىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن چىدىرغا قايتىپ ئولتۇردۇم. مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قىلىدىغان ھېچ بىر ئىشىممۇ يوق ئىدى. مەن ئۇنى پەقەت ھۆرلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئۆلتۈرگەن ئىدىم.
«ئۇرۇش تازا قىزىپ بارا ـ بارا ئۆلگەنلەر ۋە قاچقانلار كۆپەيدى. مەغلۇبىيەت بولسا مۇھەممەدنىڭ قوشۇنىغا يۈزلەندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئۆلگەنلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. بىر چاغدا ئۇتبەنىڭ قىزى ھىند ئۆلگەنلەرنىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇنىڭ ئارقىسىدا بىر مۇنچە ئاياللارمۇ بولۇپ ئۇلار ئۈلۈكلەرنىڭ جەسەتلىرىنى يېرىشقا، كۆزلىرىنى ئۇيۇشقا، بۇرۇنلىرىنى، قورساقلىرىنى كېسىشكە … باشلىدى. ئۇلار ئۈلۈكلەرنىڭ قۇلاقلىرىنى بۇلاپكا ۋە ھالقا قىلىپ بويۇنلىرىغا ئېسىۋېلىشتى. ھىند ئۆزى كېسىۋالغانundefined” قىممەتلىك “ھالقىلارنى ماڭا سۇنۇپ:
- ئى ئەبۇ دەسەمە! بۇنى ئال! بۇ ئىككىسى سېنىڭ، بۇ ئىككىسى سېنىڭ! بۇنى ساقلاپ قوي! بۇلار قىممەتلىكتۇر، - دېدى.
«ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا مەن قوشۇن بىلەن بىرلىكتە مەككىگە قايتتىم. جۇبەير ماڭا قىلغان ۋەدىسىدە تۇرۇپ مېنى ئازات قىلىۋەتتى، مەن ھۆر بولدۇم.
«لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇھەممەدنىڭ ئىشى بارغانسېرى راۋاج تېپىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئىشلىرى راۋاجلانغانسېرى مېنىڭ غەم ـ ئەندىشەممۇ ئېشىپ باردى. مېنىڭدە بىر خىل قورقۇنچ تۇيغۇسى باش كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مەن تاكى مۇھەممەدنىڭ قوشۇنى مەككىنى فەتھى قىلغانغا قەدەر شۇ ھالەتتە ياشىدىم. مەككە فەتھى قىلىنغاندا مەن بىخەتەرلىك ئىزدەپ تائىفقا باردىم. لېكىن بۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ ئىسلامغا مايىل بولۇپ مۇھەممەد بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئەلچىلەر قوشۇنى تەييارلىدى. بۇ كەڭرى زېمىن ماڭا تار تۇيۇلۇپ، غېمىم ئارتىپ بارارغا يەر تاپالماي قالدىم. نەگە باراي؟ يەمەنگىمۇ ياكى شامغا؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەرلەرگە بېرىشنىمۇ ئويلىدىم. بېشىم تازا قېتىپ تۇرغاندا ياخشى نىيەتلىك بىر كىشى ماڭا ئىچى ئاغرىپ:
- ئى ۋەھشى! ۋاي ساڭا! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ دىنىغا كىرگەن، ھەق سۆزنى ئېيتقان كىشىنى ئۆلتۈرمەيدۇ، - دېدى.
«مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ مۇھەممەدنى ئىزدەپ مەدىنىگە باردىم. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ مەسجىدتە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن مېڭىپ مەسجىدكە كېرىپ تا ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىگە كېلىپ:
-
بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، - دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ شاھادەتنى ئاڭلاپ كۈزىنى ماڭا يۆتكىدى ۋە مېنى تونۇغاندىن كېيىن كۆزىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ:
-
سەن ۋەھشىمۇ؟- دېدى.
-
شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!ـ دېدىم.
-
قېنى ئولتۇر!
سەن ماڭا ھەمزىنى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى سۆزلەپ بەر!
«مەن ئولتۇرۇپ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر- بىرلەپ سۆزلەپ بەردىم. سۆزۈم ئاخىرلاشقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن يۈزىنى ئۆرۈپ:
- سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! سەن بۇندىن كېيىن ماڭا كۆرۈنمە! - دېدى.
«شۇ كۈندىن بېرى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچىدىغان، ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرسا مەن ئۇنىڭ ئارقىدا ئولتۇردىغان بولدۇم. مەن تا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇ ھالەتتە ياشاپ كەلدىم.
«مەن ئىسلامغا كىرگۈچىنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرىنىڭ يۇيۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، لېكىن مېنىڭ مۇسۇلمانلارغا سالغان زىيىنىم، مۇسىبىتىمنىڭ ئېغىرلىقىدىن، قىلغان گۇناھىمنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئۆكۈنۈپ بۇ گۇناھىمنى يۇغىدەك بىرەر پۇرسەت ئىزدەپ يۈردۈم.
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خەلىپىلىك ئابابەكرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى، بۇ چاغدا كەززاب مۇسەيلىمەنىڭ ئادەملىرى يەنى بەنى ھەنىفە دىندىن يانغانلار قاتارىدا مۇرتەدلەردىن بولۇپ كەتتى. ئەبۇ بەكرى مۇسەيلىمەگە قارشى تۇرۇش، دىندىن يانغانلارنى، يەنى بەنى ھەنىفە قوۋمىنى دىنغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا قوشۇن تەييارلىدى. بۇ چاغدا مەن ئۆز- ئۆزۈمگە: ‹ئى ۋەھش بۇ بىر تېپىلماس پۇرسەت، سەن ئۇنى غەنىمەت بىل، ئۇنى ھەرگىز قولۇڭدىن قاچۇرۋەتمە!…› دېدىم- دە، قوشۇن بىلەن بىرگە بۇ ئۇرۇشقا ئاتلاندىم.
«مەن بۇ ئۇرۇشقا مۇسۇلمانلارنىڭ سەردارى، شېھىت ھەمزەنى ئۆلتۈرگەن نەيزەمنىمۇ ئېلىۋالدىم ۋە ئۆزۈمگە مۇشۇ نەيزە بىلەن يا مۇسەيلىمەنى ئۆلتۈرۈشنى ياكى شېھىت قىلىنىشىمنى ۋەدە قىلدىم.
بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا مۇسۇلمانلار مۇسەيلىمە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى جايلاشقان ھەدىيقەتۇل مەۋتكە باستۇرۇپ كىرىپ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان ۋاقىتتا مەن مۇسەيلىمەنى ئىزدەشكە باشلىدىم. مەن ئۇنىڭ قولىدا قىلىچ تۇتقان ھالدا تىك تۇرغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىنمۇ بىرىنىڭ خۇددى مەندەك ئۇنى پايلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئېنىقكى ھەر ئىككىلىمىز بۇ كەززابنى ئۆلتۈرۈشنى خالايتتۇق.
«مەن مۇۋاپىق بىر ئورۇننى تاللىۋالغاندىن كېيىن نەيزەمنى ئۇنىڭغا نىشانلاپ ئاتتىم. نەيزەم دەل تەگدى. مەن نەيزەمنى ئاتقان ۋاقتىمنىڭ ئۆزىدە ھېلىقى ئەنسارىمۇ ئۇنىڭغا قىلىچ چاپقان ئىكەن. ئۇنى زادى قايسىمىزنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىمىزنى ئاللاھ بىلىدۇ. ناۋادا ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى مەن بولسام مۇھەممەدتىن قالسىلا يەر يۈزىدىكى ئەڭ ياخشى ئادەمنى, شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى، ئەڭ يامىنىنى ئۆلتۈرگۈچى مەن بولغان بولىمەن.»
ئوقبە ئىبنى ئامىر جۇھەنى
بۆلۈم: “ئوقبە ئىبنى ئامىر جۇھەنى”ئۇ ھاياتىنى ئىلىم ئېلىش ۋە جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشقا سەرپ قىلىپ ياشىغۇچى.
ئۇزاق تەلمۈرۈش ۋە كۈتۈشلەردىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرى مەدىنىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە يېتىپ كەلدى. مەدىنىلىك كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بۇ رەھمەت ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن خۇشاللىنىپ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە، يوللاردا، دەرەخلەرنىڭ ئۈستىلىرىدە قىستىلىشىپ تەكبىر، تەھلىل ئېيتىشقان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆتىۋېلىشتى. مەدىنىنىڭ كىچىك قىزلىرى قوللىرىدا داپ چالغىنىچە كۆزلىرىدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان چەكسىز ھۆرمەت ئىشتىياقى بىلەن قوشاقلار ئېيتقىنىچە كېلىشتى.
رەسۇلۇللاھ مىسلى بولۇپ تولۇنئاي
سەينە ۋادىسى نۇرلۇنۇپ بولدى ناھار.
شۈكرىلىللاھ، قىلدى ئاللاھ ئىنايەت،
دۇئايىمىزدىن ياخشىلىق چاچتى ئىپار.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىلەن قورشالغان قوشۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئوتتۇرىغا ئالغان ھالدا قارشى ئېلىشقا چىققان، كۆزلىرى خۇشاللىق ياشلىرى بىلەن نەمدەلگەن، چىرايلىرى خۇشاللىقتىن نۇرلانغان كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئەمما، شۇنچە كۆپ ئادەم مۇيەسسەر بولغان بۇ خۇشاللىق مەنزىرسىنى ئوقبە كۆرەلمىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ بىر قانچە قويى بار بولۇپ ئۇ بىردىن بىر مۈلكى بولغان بۇ جانىۋارلارنىڭ ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى بېقىشقا مەدىنە شەھىرىدىن يىراقراقىتىكى بىر سەھراغا ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.
مەدىنە مۇنەۋۋەرنى زىل ـ زىلگە سالغان خۇشاللىقنىڭ خەۋىرى ئۇزۇن ئۆتمەي يىراق سەھرالارغىمۇ ئاڭلاندى. مەدىنىدىكى بۇ نۇر يىراق سەھرالارغىمۇ شولىسىنى چۈشۈردى. مال بېقىۋاتقان ئوقبەمۇ بۇ خۇشاللىق خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئوقبە مۇنداق سۈرەتلەيدۇ:
«مەن قويلىرىمنى بېقىۋاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا قويلارنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە تاشلاپ قويۇپ، ھېچنەرسىگە قارىماستىن مەدىنە تەرەپكە قاراپ چاپتىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقىنىمدا:
- ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنى بەيئەت قىلدۇرغىن! - دەپ تىلىدىم.
-ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟- دەپ سورىدى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى.
- مەن ئوقبە بولىمەن.
-سېنى سەھرالىق ئەرەبلەرنى بەيئەت قىلدۇرغاندەك قىلدۇرايمۇ ياكى ھىجرەت قىلغانلارنى بەيئەت قىلدۇرغاندەك قىلدۇرايمۇ؟ - دەپ سورىدى ئۇ.
- بەلكى ھىجرەت بەيئىتىدەك بەيئەت قىلىشنى خالايمەن، - دېدىم. ئۇ مېنى ھىجرەت قىلغۇچىلارغا قىلغۇزىدىغاندەك بەيئەت قىلدۇردى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر كېچە بىرگە تۇرۇپ ئەتىسى قويلىرىم بار سەھراغا قايتتىم.
بىزدىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئون ئىككى كىشى قويلىرىمىزنى بېقىش ئۈچۈن مەدىنىنىڭ سىرتىدىكى چەت بىر سەھرادا تۇراتتۇق. بىز ئۆز ئارا: ‹دىنىمىزنى چۈشىنىش، ئاللاھتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن ۋەھىيلەرنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ھەر كۈنى بىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بارمىساق بىزگە ياخشىلىق يوق. ھەر كۈنى بىزنىڭ ئارىمىزدىن بىرىمىز قويلىرىمىزنى قالغانلارغا تاشلاپ قويۇپ، مەدىنىگە بېرىپ كەلسۇن، قالغانلىرىمىز قوي باققاچ بېرىپ كەلگۈچى ئېلىپ كەلگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلايلى› دېگەن مەسلىھەتكە كەلدۇق.
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا سىلەر بىر ـ بىرلەپ بېرىپ كېلىڭلار، بارغانلار ماڭا قويلىرىنى قالدۇرسۇن، - دېدىم. چۈنكى، مەن قويلىرىمنى بىرەرسىگە تاشلاپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتىم.
مېنىڭ ھەمراھلىرىم دېيىشكىنىمىز بويىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا بىر ـ بىرلەپ بېرىپ ـ كېلىپ تۇراتتى. مەن بولسام كەتكەنلەرنىڭ قويۇنى باققاچ قالاتتىم ـ دە، ئۇلار قايتىپ كەلگەندە دېگەنلىرىگە قۇلاق سالاتتىم ۋە ئۆگىنەتتىم. لېكىن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆز ـ ئۆزۈمگە: ‹ئىسىت ساڭا، سەمرىمەيدىغان ھەم سېنى بايمۇ قىلالمايدىغان مۇشۇ بىر قانچە قوينى دەپ ئۆزۈڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان، ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرەمسەن؟!…› دېدىم ـ دە، قويلىرىمدىن ۋاز كېچىپ مەسجىدتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتىم.
»
ئوقبە ئاخىرقى شۇ قارارغا كېلىپ مەدىنىگە يولغا چىققاندا يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ساھابىلەرنىڭ كاتتا ئالىمى، پېشقەدەم قارىيسى، فەتىھ قىلغۇچى قوشۇننىڭ قوماندانى ۋە ئىسلام دىيارلىرىغا تەيىنلەنگەن بىر قانچە مۇسۇلمان ۋالىيلارنىڭ بىرسى بولۇپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
ئۇ دەسلەپتە ئەتىۋارلاپ چوڭ بىلىپ كەتكەن قويلىرىنى تاشلاپ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە ماڭغاندا، ئۆزىنىڭ دۇنيا شەھەرلىرىدىكى ئانا شەھەرلەردىن بولغان دەمەشىقنى ئىشغال قىلغۇچى قوشۇننىڭ ئالدىدا بولۇشىنى ۋە تۇما دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى گۈزەل باغچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ماكانلىشىپ قېلىشىنى قىلچىمۇ خىيال قىلىپ باقمىغان ئىدى. شۇنداقلا، دۇنيانىڭ يېشىل زۇمرىتى بولغان مىسىرنى پەتىھ قىلغان قومانداننىڭ بىرى بولۇپ قېلىشىنى، بۇ دىيارغا ۋالىي بولۇپ «مۇقەتتەم» تېغىنىڭ باغرىغا ئۆزى ئۈچۈن قورۇ ـ جاي سېلىشىنى، قىلچىمۇ تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى غەيىب ئىشلاردىن بولۇپ، پەقەت ئاللاھقىلا مەلۇم ئىشلاردۇر. ئوقبە مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا داۋاملىق ھەمراھ بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەرگە بارسا ئۇ خېچىرىنىڭ چۇلۋېرىنى تۇتۇپ ئالدىدا ماڭاتتى. كۆپىنچە ھاللاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى خېچىرىنىڭ ئارقىغا مىنگۈزۋالاتتى. ئۇ ھەتتا «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىنگەشگۈچىسى» دەپ ئاتالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزىدە ئوقبەنىڭ مىنىشى ئۈچۈن ئۇلىغىنى بېرىپ ئۆزى پىيادە ماڭاتتى.
ئوقبە بۇ كۈنلەردىن ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “ئوقبە بۇ كۈنلەردىن ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:”«بىر كۈنى مەن مەدىنىدىكى مەلۇم بىر ئورمانلىقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خېچىرىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا:
-
ئى ئوقبە، مىنمەمسەن؟ - دېدى.
-
ياق! - دېمەكچى بولدۇم ـ يۇ، بۇنداق دېسەم ئۇنىڭ سۆزىگە كىرمىگەنلىك بولۇپ قالمىسۇن، دەپ، - ماقۇل ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! - دېدىم.
ئۇ دەرھال قېچىردىن چۈشتى. مەن مىندىم. ئۇ پىيادە ماڭدى. ئۇزاق ئۆتمەي مەن چۈشتۈم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىندى ۋە ماڭا:
-
ئى ئوقبە! ساڭا ھېچ ئوخشىشى كۆرۈلمىگەن ئىككى سۈرە ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ - دەپ سورىدى.
-
بولىدۇ، - دېدىم مەن. ئۇ ماڭا «سۈرە ناس» بىلەن «سۈرە فەلەق»نى ئۆگىتىپ قويدى.
شۇ چاغدا نامازغا تەكبىر ئوقۇلغاندا ئۇ مۇشۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇپ ناماز ئوقۇدى ۋە ماڭا:
- سەن ئۇخلىغاندا ۋە ئويغانغاندا بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇغىن، - دېدى.
مەن ئۆمۈر بويى بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇپ كەلدىم.»
ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا زېھنىنى ئىلىم بىلەن جىھادتىن ئىبارەت ئىككى ئىشقا سەرپ قىلدى ۋە شۇ ئىككىسى ئۈچۈن ساناقسىز قۇربانلارنى بەردى.
ئىلىم ساھەسىدە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مول ۋە شېرىن بىلىم بۇلىقىدىن ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ، قارى، ھەدىسشۇناس، فەقىھ، مىراس ئىلمى، ئەدىب، ناتىق ۋە شائىر بولۇپ قالدى.
ئۇ قۇرئاننى ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چىرايلىق ئوقۇيدىغىنى ئىدى. قاراڭغۇ چۈشۈپ كېچە كەلگەندە ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلىشقا كىرىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ تىلاۋىتى ساھابىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە سېلىپ، ۋۇجۇدلىرىنى ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەنلىك ۋە ئاللاھتىن قورقۇشتىن بولغان ھېسىيات چۇلغىۋالاتتى. كۆزلىرىدىن ياشلار قويۇلۇپ كېتەتتى. بىر كۈنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئۇنى چاقىرىپ:
- ئى ئوقبە ماڭا ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىرەر ئايەت ئوقۇپ بەر! - دېدى.
ئوقبە ئۆمەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىر نەچچىنى ئوقۇپ بېرىشكە باشلىۋىدى، ئۆمەر يىغلاپ، ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتتى.
ئوقبە ئۆز قولى بىلەن يازغان بىر قۇرئاننى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قول يازمىسى مىسىردىكى «ئوقبە ئىبنى ئامىر ئالىي مەكتىپى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئالىي مەكتەپتە ساقلانغان بولۇپ، بۇ قۇرئاننىڭ ئاخىرىسىغا «ئوقبە ئىبنى ئامىر جۇھەنى يازغان» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قۇرئانى يەر يۈزىدە تېپىلغان ئەڭ قەدەمىي قۇرئانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇمۇ بىزنىڭ يوقالغان قىممەتلىك يادىكارلىقلىرىمىز قاتارىدا يوقىلىپ كەتكەن.
جىھاد ساھەسىگە كەلسەك، ئوقبەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئوھۇد ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقانلىقى، دەمەشىقنى فەتىھ قىلىدىغان كۈنى ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ئاجايىپ قەھرىمانلىقى، قورقماس شىجائىتى ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى تەرىپىنى بىلىشىمىزگە يېتەرلىكتۇر.
ئەبۇ ئۇبەيدە دەمەشىقنىڭ ئوڭۇشلۇق فەتىھ قىلىنغانلىقىنى خەلىپە ئۆمەرگە ئۆز ئاغزى بىلەن يەتكۈزسۈن ئۈچۈن ئۇنى مەدىنىگە ئەۋەتىشنى ئۇنىڭ باتۇرلىقىغا بولغان مۇكاپات قىلدى. ئوقبە بىر جۈمەدىن يەنە بىر جۈمە كۈنىگىچە توختىماي يول يۈرۈپ ئۆمەرگە بۇ چوڭ غەلىبىنىڭ خوش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ئىدى.
ئۇ يەنە مىسىرنى فەتىھ قىلغان چوڭ قوشۇننىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولۇپ، مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سوفيان ئۇنىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنى مىسىرغا ئۈچ يىل ۋالىي قىلىش ئارقىلىق مۇكاپاتلىغان ئىدى. ئاندىن ئۇنى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى روۋدوس ئارىلىغا ئۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئۇنىڭ ئۇرۇشقا بولغان ئىشتىياقى شۇ دەرىجىدە ئىدىكى، ئۇ جىھاد قىلىشقا دائىر بارلىق ھەدىسلەرنى پۈتۈنلەي يادا بىلىدىغان بىردىن ـ بىر كىشى ئىدى.
ئۇ يەنە ناھايىتى ئۇستا مەرگەن بولۇپ، ئىچ پۇشىقىنى چىقارماقچى بولسا ئوق ئېتىش بىلەن چىقىراتتى.
ئۇ مىسىردىكى ۋاقتىدا سەكراتتا يېتىپ بالىلىرىغا:
- ئى بالىلىرىم! مەن سىلەرنى ئۈچ ئىشتىن توسۇيمەن، بۇلارنى ئېسىڭلاردا چىڭ ساقلاڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئىشەنچلىك بولغانلىرىنىلا قوبۇل قىلىڭلار، گەرچە يەكتەك كىيىدىغان ھالەتتە قالساڭلارمۇ قەرز سورىماڭلار. شېئىر يازماڭلار! ئۇ سىلەرنى قۇرئان ئوقۇشتىن يىراقلاشتۇرۇپ قويمىسۇن، - دېگەنىدى. ئۇ ۋاپات قىلغاندا ئۇنىڭ بالىلىرى ئۇنى «مۇقەتتەم» تېغىنىڭ باغرىغا دەپنە قىلىپ ئاندىن ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇ يەتمىش نەچچە ياچاق قالدۇرغان بولۇپ ھەر بىر ياچاق بىلەن ئوقدان ۋە ئوقلار بولۇپ ئۇ بۇلارنى ئاللاھ يولىدا ئىشلىتىشكە ۋەسىيەت قىلغان ئىكەن.
ئاللاھ قارى، ئالىم، غازات قىلغۇچى، ئوقبە ئىبنى ئامىر جۇھەنىنىڭ يۈزىنى نۇرلۇق قىلسۇن! ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قوشقان توھپىلىرىگە ئەجىر ئاتا قىلسۇن! ئامىن!!!
ئابدۇللاھ ئىبنى جەھش
بۆلۈم: “ئابدۇللاھ ئىبنى جەھش”(تۇنجى بولۇپ مۆمىنلەرنىڭ قۇماندانلىقىغا سايلانغان كىشى)
بىزنىڭ تونۇشتۇرماقچى بولغان ساھابىمىز ـ پەيغەمبىرىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان ۋە ئىسلامغا دەسلەپكى قەدەمدە كىرگەن كىشىلەرنىڭ بىرسى.
ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاممىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ ئۇنىڭ ئانىسى ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ قىزى ئومەييە يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاممىسى ئىدى.
ئۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېيىن ئاكىسى، چۈنكى ئۇنىڭ ھەمشىرىسى بولغان جەھشنىڭ قىزى زەينەب - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن بىرى ئىدى.
ئۇ ئىسلامىيەت بايرىقى تۇتقۇزۇلغان كىشىلەرنىڭ تۇنجىسى، شۇنداقلا كېيىن مۆمىنلەرنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغانلارنىڭ تۇنجىسى.
ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دارۇلئەرقەمگە كىرىشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، ئىسلامىيەتكە بۇرۇن كىرگەن مۇسۇلمانلاردىن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى، دىنىنى قۇرەيشلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قوغدىشى ئۈچۈن، مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلغاندا، ئابدۇللاھ مۇھاجىرلارنىڭ ئىككىنچىسى بولغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئەبۇسەلەمە مۇشۇ پەزىلەتتە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغان ئىدى.
ئاللاھ ئۈچۈن ھىجرەت قىلىش، ئاللاھ يولىدا ۋەتىنىدىن ئايرىلىش، ئۆي ـ ماكانىدىن ئايرىلىش، ئابدۇللاھ ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ئەمەس ئىدى. يېڭى ئىش بولمىدى، ئابدۇللاھ ۋە بەزى يېقىن تۇغقانلىرى، بۇندىن بۇرۇنمۇ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان ئىدى.
لېكىن ئابدۇللاھنىڭ بۇ قېتىمقى ھىجرىتى ئاۋۋالقى قېتىمقىسىغا قارىغاندا كۆپ سانلىق بولدى. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېقىن تۇغقانلىرى، ئاتىسىنىڭ قەبىلىسىدىن چوڭ ـ كىچىك قېرى ـ ياش، ئەر ـ ئايال، بالا ـ چاقىلىرى بولۇپ ناھايىتى نۇرغۇن كىشى بىرلىكتە ھىجرەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىسلامىي ئائىلە، قەبىلىسى ئىسلامىي قەبىلە بولغان ئىدى.
ئۇلار مەككىدىن ئايرىلىش بىلەنلا، ئۇلارنىڭ دىيارىنى غېرىبلىق باستى: خۇددى بۇندىن بۇرۇن بۇ ھويلىلاردا ھېچكىم ئولتۇرمىغاندەك، بوش قېلىپ، توپا ـ چاڭ ئۇچۇپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭغان كىشىلەر ھىجرەت قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، قۇرەيش كاتتىۋاشلىرى، مۇسۇلمانلار ئىچىدىن كىملەرنىڭ قېلىپ كىملەرنىڭ كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، مەككە كوچلىرىنى چارلىغىلى چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇجەھل، ئۇتبە ئىبنى رەبىيئەمۇ بار ئىدى.
ئۇتبە ئىشىكلىرى غىچىرلاپ، بوران ئۇچۇپ تۇرغان بەنى جەھشنىڭ ئۆي ـ ماكانلىرىغا قاراپ:
ـــ بەنى جەھشنىڭ يۇرتى ئۆز ئەھلىگە يىغلاۋاتقاندەك بوش قاپتۇ، - دېۋېدى، ئەبۇجەھل:
-ماكانلىرى ئۇلار ئۈچۈن يىغلاپ قالغۇدەك قانچىلىك نېمىلەر ئىدى ئۇ! - دېدى ـ دە، ئابدۇللاھنىڭ ھويلىسىغا چىقتى. ئابدۇللاھنىڭ ھويلىسى، ھەممە ھويلىلارنىڭ چىرايلىقى ئىدى، ھەمدە ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ ھويلىسى ئىدى. ئەبۇجەھل بۇ ھويلىنىڭ مال-مۈلكىنى خۇددى پادىشاھ ئۆز مۈلكىگە ئىشلەتكەندەك ھويلا بىلەن قوشۇپ ئىشلەتكىلى تۇردى.
ئابدۇللاھ ئەبۇجەھلنىڭ ئۆز ھويلىسىدا قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ كەلگەندە، بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھقا:
ـــ ئى ئابدۇللاھ! ئاللاھ سېنىڭ ئۇ ھويلاڭنىڭ ئورنىغا جەننەتتىن ھويلا بەرسە رازى بولمامسەن؟ - دېۋېدى. ئابدۇللاھ جاۋابەن:
- رازى بولىمەن! ئى رەسۇلۇللاھ! - دېدى ۋە ئابدۇللاھنىڭ ۋۇجۇدى خۇشاللىقتىن يايراپ كەتتى، كۆز ئالدى پاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى.
ئابدۇللاھ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەتتە، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مەدىنىگە ئورۇنلاشماي تۇرۇپ، قۇەرەيشلەردىن يەتكەن ئەزىيەتتىن كېيىن ئەنسارىلارنىڭ ھىمايسىدە كۆرگەننىڭ تەمىنى تېتىماي تۇرۇپلا، ئاللاھ ئابدۇللاھنىڭ ئۆز ھاياتىدا ھېس قىلغان ئىمتىھانلارنىڭ ئەڭ قاتتىقىنى ۋە مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۇچرىغان ئەڭ قاتتىق سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشنى خالىدى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامىيەتتىكى تۇنجى قېتىملىق ئەسكىرى ئىشقا قوماندان قىلىش ئۈچۈن ساھابىلەردىن سەككىز كىشىنى تاللىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇللاھ ۋە سەئد ئىبنى ئەبۇۋاققاسمۇ بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:
- مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىققا چىدىيالايدىغانلىرىڭلارنى باشلىق قىلىمەن! - دېگىنىچە بايراقتىن بىرنى ئابدۇللاھقا تۇتقۇزدى. ئابدۇللاھ بىر بۆلۈك مۆمىنلەردىن تەركىپ تاپقان كىشىلەرگە باشلىق بولغانلارنىڭ تۇنجىسى ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھنىڭ ماڭىدىغان يولىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت بەردى ۋە بۇ خەتنى ئىككى كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قوشۇن ئىككى كۈنلۈك مۇساپىنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن ئابدۇللاھ خەتكە قارىدى، خەتتە: «سەن خېتىمنى ئوقۇغاندىن كېيىن تائىپە بىلەن مەككە ئوتتۇرىسىدىكى نەخلە دېگەن جايغا بېرىپ ئۇ يەردە قۇرەيشلىكلەرنى پايلاپ، ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى بىزگە ئېلىپ كەل!» دېيىلگەن ئىدى.
ئابدۇللاھ خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، كۆڭلىدە «ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن (بېشىم بىلەن) تەييار تۇرىمەن!» دېگەننى ئويلىدى ـ دە، قوشۇندىكىلەرگە قاراپ:
ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى قۇرەيشلىكلەرنى پايلاپ ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىنى ئېلىپ كېلىشىم ئۈچۈن نەخلە دېگەن جايغىچە بېرىشىمنى بۇيرۇدى ۋە مېنى سىلەردىن بىرەرسىڭلارنى مەن بىلەن بىللە بېرىشقا مەجبۇرلىشىمدىن توستى! كىمكى شېھىتلىكنى خالىسا ۋە ئۇنىڭغا قىزىقسا، مەن بىلەن ماڭسۇن، كىمكى بۇنى خالىمىسا ئۇنىڭغا مالامەت قىلىنمايدۇ، قايتىپ كەتسۇن! - دېدى. كۆپچىلىك ھەممىسى بىردەك:
ـــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىز تەييار! ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قەيەرگە بۇيرىغان بولسا، بىز سەن بىلەن شۇ يەرگە بېرىشقا تەييارمىز! - دېيىشتى.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار نەخلە دېگەن جايغىچە بېرىپ، قۇرەيشلىكلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تاغ يوللىرىنى چارلاشقا باشلىدى.
شۇ ئەسنادا، ئۇلار يىراق بىر جايدىن قۇرەيشلىكلەرنىڭ كارۋىنىنى كۆرۈپ قالدى، بۇ كارۋاندا تۆت ئەر كىشى بولۇپ، ئۇلار: ئەمرى ئىبنى ھەزرەمى، ھەكەم ئىبنى كەيسان، ئوسمان ئىبنى ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى مۇغىرە ئىدى. ئۇلار بىلەن بىرگە تېرە، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە باشقا نەرسىلەردىن ئىبارەت تىجارەت ماللار بار ئىدى.
بۇ ۋاقىتتا ساھابىلەر نېمە قىلىشنى مەسلىھەت قىلىشقىلى تۇردى. بۇ كۈنلەر بولسا، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. ئۇلار ئاخىرى:
ــ ئەگەر بىز ئۇلار بىلەن ئۇرۇشساق، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۇرۇشقان بولىمىز! بۇنىڭ بىلەن بۇ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان بولىمىز! نەتىجىدە بارلىق ئەرەبلەرنىڭ غەزىپىىگە قالىمىز!… ئەگەر بىز بۇ كۈننىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتسەك، ئۇلار خاتىرجەم ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ، - دېيىشتى.
ئۇلار مەسلىھەتلىشىۋېرىپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قوللىرىدىكى ماللىرىنى غەنىمەت ئېلىشقا بىرلىككە كەلدى.
ئۇلار بىر قانچە سىكونتتىلا، ئۇلاردىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ ئىككىنى ئەسىرگە ئالدى، يەنە بىرىنى قاچۇرۇپ قويدى.
ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىدىكىلەر ئەسىر ۋە كارۋان ماللارنى مەدىنە تەرەپكە ھەيدەپ ماڭدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، قىلغان ئىشلىرىدىن خەۋەر بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھقا مۇنداق دېدى:
ـــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرنى ئۇرۇشۇشقا ئەمەس بەلكى، قۇرەيشلىكلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئوقۇپ كېلىشكە ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشكە… بۇيرىغان، - دېدى ۋە ئىككى ئەسىرنى ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىشقا قويۇپ، كارۋاندىكى نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنىڭدىن ھېچنېمە ئالمىدى.
بۇ ۋاقىتتا، ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ سۆھبەتداشلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تۈگىشىدىغانلىقىلىرىغا ئىشەنچ قىلىشتى.
ئۇلارنىڭ ئەھۋالى يامانلاشتى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى، ئۇلارغا مالامەت قىلىشقا ۋە ئۇچرىغان ھامانلا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار…» دەپ، ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى تارتىشقا باشلىدى.
ھەمدە يەنە قۇرەيشلىكلەرنىڭ مۇشۇ ھادىسە سەۋەبى بىلەن پەيغەمبىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىشقا ۋە ئورۇنۇپ تۇتۇۋېلىنغان ئەسىر ۋە ئولجىلارنى قەبىلىلەر ئارىسىدا ئاشكارىلاپ:
ـــ ھەقىقەتەن مۇھەممەد، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى ھالال قىلدى ۋە بۇ ئايدا قان تۆكتى! ئولجا ئالدى، ئەرلەرنى ئەسىر ئالدى، دېگەن ۋاقىتلىرىدا، ئۇلارنىڭ روھى ئازابى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.
سىز ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ سۆھبەتداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلىپ سالغان ئىشلىرىغا قانچىلىك دەرىجىدە پۇشايمان قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن پەيدا بولغان خاپىلىق سەۋەبىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، قانچىلىك دەرىجىدە خىجىل بولغانلىقىنى سورىمايلا قويۇڭ!
ئۇلارغا يەتكەن خاپىلىق، قاتتىق مۇسىبەت ئېغىرلاشقان ۋاقتىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشىدىن رازى بولۇپ، پەيغەمبىرىمىزگە بۇ ئىش توغرىسىدا ۋەھىي چۈشۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا خۇش بېشارەت بېرىلدى.
بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قانچىلىك خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى سورىماڭ. كىشىلەر قۇچاق ئاچقان، خۇش ـ بېشارەت بەرگەن، تەبرىكلەپ، قۇرئان كەرىمدىن ئۇلارنىڭ ئىشى توغرىلىق چۈشكەن ئايەتنى ئوقۇغان ھالەتتە، ئۇلارغا يۈزلەندى. پەيغەمبىرىمىزگە ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتى چۈشكەن ئىدى.
((ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: ‹ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ› دەپ سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، ‹بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ۋە ئاللاھقا كۇپرىلىق قىلىش، مەسجىد ھەرەمدە (ئىبادەت قىلىشتىن) توسۇش، مەسجىد ھەرەمدىن ئاھالىنى ھەيدەش، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، پىتنە (مۆمىنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر›.(
بۇ ئايەتلەر چۈشكەن ۋاقتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلى يورۇپ كەتتى ۋە كارۋاندىكى ماللارنى ئالدى، ئەسىرلەرنى تۆلەم ئېلىپ قويىۋەتتى، ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ سۆھبەتداشلىرىنىڭ قىلغان ئىشىدىن رازى بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرگىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆككەن تۇنجى مۇشرىك؛ ئۇلارنىڭ بايرىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن چەگكەن تۇنجى بايراق؛ قوماندان ئابدۇللاھ «مۆمىنلەرنىڭ باشلىقى» دەپ چاقىرىلغان تۇنجى كىشى ئىدى.
بەدىر ئۇرۇشى بولغاندا ئابدۇللاھ ئىمانىغا لايىق ھالدا باتۇرلارچە ئېلىشتى ئاندىن ئوھۇد ئۇرۇشى بولدى، بۇ ئۇرۇشتا ئابدۇللاھ بىلەن ئۇنىڭ سۆھبەتدىشى سەئد ئىبنى ئەبۇۋاققاسنىڭ ئۇنتۇلمايدىغان بىر ۋەقەلىكى بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، سەئد ئىبنى ئەبۇۋاققاس مۇنداق دەيدۇ:
«ئوھۇد ئۇرۇشى بولغاندا، ماڭا ئابدۇللاھ ئۇچراپ قېلىپ:
- سەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلمامسەن؟ - دەپ سورىدى. مەن:
ـــ دۇئا قىلىمەن! - دېدىم ـ دە، بىز بىرلىكتە بىر چەتكە چىقتۇق. مەن دۇئا قىلىپ: ‹ئى ئاللاھ! مەن دۈشمەنگە ئۇچراشسام، قاتتىق ئۇرۇشالايدىغان، مېنى ئاچچىقى يامان دۈشمەنگە ئۇچراشتۇرغىن! مەن شۇنداقلار بىلەن ئۇرۇشىمەن. ئاندىن مېنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇ ئۇنىڭ قىلىچىنى ئېلىۋېلىشىم ئۈچۈن ماڭا ئۇتۇقلۇق بەرگىن!› دېدىم. ئابدۇللاھ مېنىڭ دۇئايىمغا، ‹ئامىن!› دەپ بەردى. ئاندىن ئابدۇللاھ دۇئا قىلىپ: ‹ئى ئاللاھ! ماڭا ئاچچىقى يامان، ئۆزى كۈچلۈك دۈشمەننى رىزىق قىلىپ بەرگىن! مەن ئۇنىڭ بىلەن سەن ئۈچۈن ئۇرۇشىمەن. ئۇ مەن بىلەن ئۇرۇشىدۇ، ئاندىن ئۇ مېنى تۇتۇۋېلىپ، مېنىڭ بۇرنۇمنى، قۇلىقىمنى كېسىۋالىدۇ! مەن ساڭا ئۇچراشسام، سەن مەندىن:
ـــ سېنىڭ بۇرنۇڭ نېمە بولۇپ كېسىلگەن؟ قولىقىڭچۇ؟ دەپ سورىساڭ. مەن دەرھال:
ـــ سېنى ۋە پەيغەمبىرىڭنى دەپ كېسىلگەن! - دەيمەن، ئاندىن سەن يەنە:
ـــ راست گەپ قىلدىڭ! - دەيسەن› دېدى.
سەئد ئىبنى ئەبۇۋاققاس يەنە مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “سەئد ئىبنى ئەبۇۋاققاس يەنە مۇنداق دەيدۇ:”«ئابدۇللاھنىڭ دۇئاسى، مېنىڭ دۇئايىمدىن ياخشى بولدى! مەن چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ پارچە ـ پارچە بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇرۇن ۋە قۇلىقىنىڭ دەرەخكە يىپ بىلەن ئېسىلىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم!» دەيدۇ.
ئاللاھ ئابدۇللاھنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ تاغىسى، يەنى شېھىتلەرنىڭ سەركەردىسى - ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىبنى ھۆرمەتلىگەندەك، ئۇنىمۇ شېھىتلىك بىلەن ھۆرمەتلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك كۆز ياشلىرى ئۇ ئىككىسىنىڭ شېھىتلىكنىڭ خۇش پۇراقلىرى بىلەن پۈركەلگەن قەبرە توپىسىنى نەمدىۋەتتى…
ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى
بۆلۈم: “ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى”ھۇزەيفەنىڭ سۆزىگە ئىشىنىڭلار، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ سىلەرگە ئوقۇپ بەرگىنى بويىچە ئوقۇڭلار.
-
ھەدىس شەرىف
-
خالىساڭ مۇھاجىر بول، خالىساڭ ئەنسارى بول، بۇ ئىككىسىدىن خالىغىنىڭنى تاللا، - بۇ سۆزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە ھۇزەيفە بىلەن تۇنجى ئۇچراشقاندا دېگەن ئىدى. ئۇنىڭغا يۇقىرىقى ئىككى خىل تاللاشنىڭ قايسىسىنى تاللاش ئىختىيارلىقىنىڭ بېرىلىشىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار.
ئۇنىڭ دادىسى مەككىلىك ئەبۇسى قەبىلىسىدىن بولغان يەمان ئىسىملىك كىشى ئىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بىر قان قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىپ مەككىدىن مەدىنىگە كېتىشكە مەجبۇرلانغان ئىدى. ئۇ مەدىنىگە بېرىپ ئابدۇل ئەشئەل جەمەتى بىلەن چىقىشىپ قىلىپ، كېيىن ئۇلارغا كۈيئوغۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ ھۇزەيفە ئىسىملىك بىر ئوغلى تۇغۇلىدۇ.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەماننىڭ مەككىگە كىرىشىگە بولغان توسالغۇ تۈگەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەككە بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدا بېرىپ ـ كېلىپ يۈرىدىغان بولىدۇ. لېكىن، ئۇ مەدىنىدە كۆپرەك تۇراتتى.
ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئۆز نۇرى بىلەن يورۇتۇشقا باشلىغاندا مەدىنىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئەبۇسى قەبىلىسىدىكى ئونبىر ئادەمنىڭ ئىچىدە يەمانمۇ بار ئىدى. بۇ ئۇچۇرۇشۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن بولغان ئىدى. بۇ سەۋەبلەردىن ھۇزەيفە ئەسلى مەككىلىك، ئۆسۈپ يېتىلىشى مەدىنىيىلىك سانىلاتتى.
ئۇ بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئاللاھنىڭ دىنىغا خېلى بۇرۇن كىرگەن مۇسۇلمان ئاتا - ئانىنىڭ ھىمايىسىدە تەربىيىلەندى. ئۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئىسلامنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىش ئىشتىياقى چۇلغىۋالغان ئىدى. ئۇ ئىسلامغا كىرگەن كۈندىن باشلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا توختىماي سوئال سورايتتى. ئۇ ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن مەككىگە سەپەر قىلدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭدىن:
-
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن مۇھاجىرمۇ ياكى ئەنسارىمۇ؟- دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
خالىساڭ مۇھاجىر بول، خالىساڭ ئەنسارى بول، بۇ ئىككىسىدىن خالىغىنىڭنى تاللا، - دېدى. ئۇ دەرھاللا:
-
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بەلكى مەن ئەنسارى، - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېشى بىلەن يۈرۈپ دېگۈدەك خىزمەت قىلدى. ئۇ بەدىردىن باشقا بارلىق جەڭگە قاتناشتى. ئۇنىڭ بەدىرگە قاتنىشالماسلىقىدا مۇنداق بىر سەۋەب بار ئىدى. ئۇنى ئۆزى مۇنداق بايان قىلىدۇ: مەن دادام بىلەن مەدىنە سىرتىدا ئىدۇق. قۇرەيشلىكلەر بىزنى تۇتۇۋېلىپ بىزنىڭ نەگە ماڭغانلىقىمىزنى سورىدى. بىز:
- مەدىنىگە، - دەپ جاۋاب بەردۇق.
-سىلەر مۇھەممەدنىڭ يېنىغا ماڭدىڭلارمۇ؟
-
بىز پەقەت مەدىنىنى كۆزلەپلا كېتىپ بارىمىز.
-
ئۇنداقتا سىلەر مۇھەممەدكە ياردەملەشمەسلىككە، ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىدا جەڭ قىلماسلىققا ۋەدە بېرىڭلار، - دېدى. بىز ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇلار بىزنى قويۇۋەتتى. بىز مەدىنىگە كېلىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
بىز قىلغان ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىمىز. ئاللاھتىن ئۇلارغا قارشى ياردەم تىلەيمىز، - دېدى.
ئوھۇد جېڭى كۈنى ئۇ دادىسى يەمانى بىلەن ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇرۇشتىن ئۇ ساق ـ سالامەت قايتتى. بىراق، دادىسى شېھىت بولدى. لېكىن، ئۇ مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن بولغان ئىدى. ئەسلى ۋەقەلىك مۇنداق بولغان ئىدى.
ئوھۇد كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەمانى بىلەن سابىت ئىبنى قەيسنى ئاياللار ۋە بالىلار بىلەن بىرگە قەلئەدە قالدۇرغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئىككىسى ياشىنىپ قالغان كىشىلەر ئىدى. ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققاندا يەمانى سەبدىشىغا:
- ھەي! بىز يەنە نېمىنى ساقلاپ ئولتۇرىمىز. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۆمرىمىز ئاز قالدى. قىلىچلىرىمىزنى ئېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قوشۇلمامدۇق، بەلكىم ئاللاھ بىزگە شېھىتلىك ئاتا قىلار!- دېدى.
ئۇلار قىلىچلىرىنى يالاڭاچلاپ ئۇرۇش سېپىگە قېتىلدى. سابىتنى ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ قىلىچى بىلەن شېھىت بولۇش شەرىپىگە ئىگە قىلدى. لېكىن، يەمانى بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن ئۇرغان قىلىچى ئاستىدا يىقىلدى. مۇسۇلمانلار يەمانىنى تونىمىغان ئىدى. بۇ چاغدا ھۇزەيفە:
- دادام! دادام! - دېگىنىچە توۋلاپلا قالدى، ھېچكىم ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغان ئىدى. دادىسى يىقىلغاندا ھۇزەيفە ئۇلارغا، ئاللاھ سىلەرنى مەغپىرەت قىلسۇن! ئۇ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى!… - دېگەندىن ئارتۇق سۆز قىلمىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ تۆلەم پۇلىنى بەرمەكچى بولغاندا ئۇ:
- دادام شېھىتلىكنى تەلەپ قىلغان ئىدى، ئارزۇسىغا يەتتى. ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن! مەن دادامنىڭ تۆلەم پۇلىنى مۇسۇلمانلارغا سەدىقە قىلىۋەتتىم، - دېدى. بۇ سەۋەب بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسى تېخىمۇ ئۆستى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ خاراكتېرىدە مۈشكۈل ئىشلارنى ھەل قىلىشتا تەدبىرلىك، ھەرقانداق ئىشقا قارىتا ئىنكاسى تىز ۋە ئىتائەتچان، ھېچكىم بىلەلمەيدىغان دەرىجىدە سىر ساقلىيالايدىغان ئۈچ خىل خىسلەتنىڭ بارلىقىنى بايقىدى.
ساھابىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى دەل جايىدا جارى قىلدۇرۇش، ئۇلاردىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىياسىتى ئىدى. ئۇ ھەرقانداق ئادەمنى ئىقتىدارىغا قارىتا ۋەزىپىگە قوياتتى.
مەدىنىدە مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ توسالغۇ يەھۇدىي مۇناپىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا يوشۇرۇن سۇيىقەست پىلانلايتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇزەيفەگە مۇناپىقلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ساھابىلەرنىڭ ھېچبىرى بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىك ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەم ئىسلام دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى مۇناپىقلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۇ مۇناپىقلارنىڭ ئىش ـ ھەرىكەتلىرىگە كۆز ـ قۇلاق بولۇش، ئۇلارنى كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەخپىيەتلىرىنى بىلىدىغان كىشى» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەتىرى چوڭ، ناھايىتى بەك ھۇشيارلىقنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ ئىشتا ئەقىللىق ھۇزەيفەنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلانغان ئىدى. خەندەك ئۇرۇشىدا يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ۋەقەلىك بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ. خەندەك ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇشرىكلار مۇسۇلمانلارنى ناھايىتى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارغا قىيىنچىلىق كۈپەيدى. ھېرىپ ـ چارچاش چېكىگە يەتتى. كۆزلەر تالدى، كىشىلەر ناھايىتى بەك تىت ـ تىتچىلىق ئىچىدە قالدى. ئىمانى سۇسراق بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ھەتتا ئاللاھ توغرىسىدا غەيرىي گۇمانلاردا بولۇشقا باشلىدى.
بۇ چاغدا مۇشرىكلار ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ ئەھۋالىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭكىدىن ياخشى ئەمەس ئىدى.
مۇشرىكلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئىرادىلىرىنى تەۋرىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا قاتتىق بوران ئەۋەتىش ئارقىلىق ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بولغان غەزىپىنى ئىپادىلىدى. بوران ئۇلارنىڭ چىدىرلىرىنى ئۆرۈپ، قازانلىرىنى دۈم كۆمتۈرۈپ، ئوتلىرىنى ئۆچۈرۈپ، ئېغىز ـ بۇرۇنلىرىنى تاش ـ توپىغا توشقۇزدى. ئۇرۇش پرىنسىپىدا ئاۋۋال بەل قويۇۋەتكەن تەرەپ، مەغلۇپ بولغان ھېسابلىناتتى.
ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بەلگىلىنىدىغان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزەيفەنىڭ ئىقتىدارىغا ھاجىتى چۈشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى قارار چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى ھۇزەيفەنى قاراڭغۇدا دۈشمەنلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتمەكچى بولدى. بۇ قورقۇنچلۇق ۋە خەتەرلىك سەپەرنىڭ ئەمەلىي جەريانىنى ئۇ مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
«ئاشۇ بورانلىق سوغۇق كېچىدە بىز مۇسۇلمانلار قوشۇنى سەپ تۈزۈشۈپ ئولتۇرۇشقان ئىدۇق. مەككىدىن كەلگەن مۇشرىك قوشۇن بىزنىڭ ئۈستى تەرىپىمىزدە، بەنىي قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى بىزنىڭ تۆۋەن تەرىپىمىزدە ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ ئاياللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىزغا زىيان سېلىشىدىن ئەنسىرەيتتۇق. بۇندىن بۇرۇن بۈگۈنكى كېچىدىكىدەك قاتتىق بوران ھەم بۇ كېچىدىكىدەك زۇلۇمەتلىك قاراڭغۇ بولۇپ باقمىغان ئىدى. بوران خۇددى گۈلدۈرمامىدەك قاتتىق ئاۋازدا گۈكىرىسە، قاراڭغۇلۇقنىڭ زۇلمىتىدە بەش بارمىقىمىزنى سوزساق كۆرەلمەيتتۇق. مۇناپىقلار: ‹ئۆيلىرىمىز ئوچۇق قالغان ئىدى، دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ قالمىسۇن› دەپ رۇخسەت سوراشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئوچۇق ئەمەس ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رۇخسەت بېرىۋەردى. ھەتتا بىز 300 دەك ئادەم قالدۇق. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مېنىڭ يېنىمغا كەلدى. (مېنىڭ ئۈستۈمدە ئايالىمنىڭ تىزىمدىن ئاشمايدىغان پەرەنجىسىدىن باشقا سوغۇقتىن دال بولغۇدەك يېپىنچام يوق ئىدى.) ئۇ مەندىن:
-
سەن كىم؟› دەپ سورىدى.
-
ھۇزەيفە، - دەپ جاۋاب بەردىم.
-
ھۇزەيفەمۇ سەن؟
-
شۇنداق. مەن (ئاچلىق ۋە سوغۇقنىڭ ئازابىدىن) ئورنۇمدىن تۇرمايلا جاۋاب بەردىم.
-
دۈشمەن تەرەپتە بىر خەۋەر باركەن. سەن بېرىپ ئېنىق ئۇقۇپ كەلگىن.
مەن مېڭىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
ئى ئاللاھ، ئۇنىڭ ئالدى ـ كەينى، ئوڭ ـ ۋە سول تەرىپىنى ساقلىغىن! - دەپ دۇئا قىلدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى ئاخىرلاشمايلا مەندىكى قورقۇنچ ۋە توڭلاش ئالامەتلىرى غايىپ بولدى. ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ توڭلىغاقى ۋە قورقۇنچاقى مەن ئىدىم. مەن كەينىمگە بۇرۇلغىنىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
سەن تاكى قايتىپ كەلگىنىڭگە قەدەر دۈشمەن ئارىسىدا بىرەر چاتاق تېرىپ قويما! - دەپ تاپىلىدى. مەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ قاراڭغۇدا يولۇمغا راۋان بولدۇم.
مەن دۈشمەن سېپىگە بېرىپ خۇددى ئۇلارنىڭ ئادىمىدەك بولىۋالدىم. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئەبۇ سوفيان كۆپچىلىككە:
-
ئى قۇرەيش گۇرۇھى مەن سىلەرگە بىر سۆزنى قىلماقچى، لېكىن، مەن بۇ سۆزنىڭ مۇھەممەدكە يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر بىرىڭلار يېنىڭلاردىكىلەرگە قاراڭلار! - دېدى. ھەر بىر كىشى يېنىدىكى كىشىنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى. مەنمۇ شۇ ھامان يېنىمدا ئولتۇرغان مۇشرىكنىڭ قولىنى تۇتۇپ:
-
سەن كىم؟- دېدىم. ئۇ:
-
مەن پالانىنىڭ ئوغلى پالانى، - دەپ جاۋاب بەردى.
سۈرۈشتۈرۈش ئاخىرلاشقاندا ئەبۇ سوفيان گېپىنى باشلاپ مۇنداق دېدى.
- ئاللاھ بىلەن قەسەمكى!
سىلەر جاپا چەكتىڭلار، ئات ئۇلاغلىرىمىز ھالاك بولدى. بەنۇ قۇرەيزە بولسا بىزدىن يۈز ئۆرۈدى. بىز يەنە بۇ بورانغا ئۇچرىدۇق. سىلەر يولغا چىقىڭلار، مەنمۇ چىقىمەن، - دېدى ـ دە تۆگىسى ئۈستىگە مىنىپ ئۇنى بىرنى ئۇرۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ناۋادا مېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر ئىش تېرىماسلىققا ئاگاھلاندۇرمىغان بولسا، مەن ئۇنى بىرتال ئوق بىلەنلا تۆگىسىدىن موللاق ئاتقۇزغان بولاتتىم.
مەن قايتىپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئايالىنىڭ پەرەنچىسى ئۈستىدە ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئۆزىگە يېقىن كېلىشكە چاقىرىپ، مېنى پەرەنجىنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئولتۇرغۇزدى. مەن بولغان ئەھۋالاردىن خەۋەر بەرگىنىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇشاللىقىدىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇدى.»
ھۇزەيفە مۇناپىقلارنىڭ سىرىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئاشكارىلىماستىن ئۆتۈپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىلىرى ئۆز ئىشلىرىدا ھۇزەيفەگە تايىناتتى. ھەتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسى ئۆلسە:
-
ھۇزەيفە جىنازا نامىزىغا كەلدىمۇ؟- دەپ سورايتتى ـ دە، كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپسا كېلىپ ئۇ مۇسۇلماننىڭ نامىزىنى چۈشۈرەتتى. ئەگەر كەلمىگەنلىكىنى ئاڭلىسا ئۆلگۈچىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرمەيتتى. بىر قېتىم خەلىپە ئۆمەر ھۇزەيفەدىن، مېنىڭ قول ئاستىمدا بىرەر مۇناپىق بارمۇ؟- دەپ سورىدى. ھۇزەيفە:
-
بىرى بار، - دېدى.
-
ئۇنداقتا ئۇنى ماڭا كۆرسىتىپ قوي!
-
ياق، ئۇنداق قىلالمايمەن.
ھۇزەيفە مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “ھۇزەيفە مۇنداق دەيدۇ:”- ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۆمەر خۇددى ئۇنىڭغا بىرى خەۋەر بەرگەندەكلا دەل ھېلىقى ئادەمنى ئىشتىن بوشاتتى.
ھۇزەيفەنىڭ مۇسۇلمانلارئۈچۈن «ناھاۋەندە»، «دەينۇرە»، «ھەمزانە»، «رەييە» شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ كىتابى ئۈستىدە بۈلۈنۈپ كېتىشكە ئاز قالغاندا ئۇلارنى بىر قۇرئانغا يىغىشقا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار ناھايىتى ئاز بولسا كېرەك.
ئۇنىڭ ھاياتى شۇنچىلىك كۆپ ياخشىلىقلار بىلەن ئۆتكىنىگە قارىماي ھۇزەيفە ئاللاھتىن بەك قورقىدىغانلاردىن ئىدى. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە سەكراتتا ياتقاندا ساھابىلەر ئۇنىڭ قېشىغا كىرىشتى. ئۇ ئۇلاردىن:
-
ھازىر قايسى ۋاقىت؟ دەپ سورىدى. ساھابىلەر:
-
تاڭ ئېتىشقا ئاز قالدى، - دېگەندە ئۇ:
-
مېنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان سۈبھىدىن پاناھ تىلەيمەن، مېنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان سۈبھىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن!… - دېدى، ئاندىن، - ماڭا كېپەنلىك ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟- دەپ سورىدى.
-
ھەئە، ئەكەلدۇق.
-
كېپەنلىكىمنى ئېسىل نەرسىلەردىن قىلماڭلار، ئەگەر ماڭا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشىلىق بولسا، ئاللاھ ماڭا بۇنىڭدىن ياخشىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇ مەندىن تارتىۋېلىنىدۇ… - دېدى. ئاندىن ئۇ، - ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ بايلىقنى ئەمەس كەمبەغەللىكنى، ئەزىزلىنىشتىن بەكرەك خارلىقنى، ياشاشتىن بەكرەك ئۆلۈمنى خالايدىغانلىقىمنى ئوبدان بىلىسەن! - دېدى. ئۇ ئاخىرقى تىنىقلىرىدا، - ئۆلۈم گويا ئۆزۈم ئىستىگەن دوست، شۇڭا بۇنىڭغا قايغۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، - دېگىنىچە كۆز يۇمدى.
ئاللاھ ھۇزەيفەگە رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى مىسلى يوق ئېسىل ئۈلگە ئىدى. ئاللاھ بىزنىمۇ ھۇزەيفەگە ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەدبىرلىك، ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن! ئامىن!
سەئد ئىبنى ۋەققاس
بۆلۈم: “سەئد ئىبنى ۋەققاس”ئى سەئد! ئاتقىن، ئاتا ـ ئانام ساڭا پىدا بولۇپ كەتسۇن!
- (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوھۇد كۈنىدە سەئدنى ئوق ئېتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ قىلغان سۆزىدىن)
ئاللاھتىن ئاللاھ دەرگاھىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن! ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)!
(ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر. ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن.(
بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار. بۇنىڭ نەتىجىسى مەغلۇبىيەتكە ئەمەس، غەلىبىگە، شىرېكلىككە ئەمەس، بەلكى تەۋھىدكە دالالەت قىلىدۇ.
ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى، سەئد ئىبنى ۋەققاس مەككىدىكى ئېسىل نەسەبلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ياشلاردىن بىرىدۇر.
مەككىدە پەيغەمبەرلىك نۇرى چاقناشقا باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سەئد تېخى كىچىك بولۇپ، ئۇ ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان، بولۇپمۇ ئانىسىغا بەكمۇ ئامراق بىر ئۆسمۈر ئىدى. گەرچە ئۇ ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ ئەقلى ئۆتكۈرلىكىدە، ھېكمەتلىكلىكىدە چوڭلاردىن قېلىشمايتتى. ئۇ ئۆز تەڭتۈشلىرىدەك ئورۇنسىز ئويۇن ـ تاماشىغا بېرىلمەي، ۋاقتىنى ئوق ياساش، ياچاقنى ياخشىلاش، ئوق ئېتىشنى مەشىق قىلىشتەك ئاقىلانە ئىشلارغا سەرپ قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئۇ خۇددى ئۆزىنى چوڭ ئىشلارغا تەييارلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
ئۇ يەنە كۆڭلىدە ئۆز قەۋىملىرى ياشاۋاتقان ناتوغرا ئەقىدىدىكى ھاياتىدىن قوتۇلدۇرىدىغان بىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتىۋاتقاندەك بىر تەقەززالىق تويغۇسىدا بىئارام ياشايتتى.
مانا مۇشۇ مەزگىلدە ئاللاھ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى توغرا ياشاش يولىغا باشلايدىغان رەھمىتى بولغان، ئازغۇن، خاتا ئەقىدىدىكى ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرىدىغان، مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتتى. بۇ خاسىيەت ئىگىسى پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزەتتى.
سەئد ھېچ كېچىكمەستىن بۇ ئىلاھى چاقىرىققا ئاۋاز قوشتى. ئۇ ئىسلام كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئاۋالقىلىرىدىن بولدى. ئۇ كۆپ ھاللاردا بۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ: «پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسىنىڭ دەسلەپكى دەۋىتى باشلىنىپ يەتتە كۈندىن كېيىن ئىمان كەلتۈردۈم. دېمەك، مەن ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئاۋالقىلىرىدىن بولدۇم» دەيتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئدنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكىدىن خۇشال بولدى. چۈنكى، سەئدتە يېڭى چىققان ئاينىڭ تولۇن ئاي بولىشى مۇقەررەر بولغاندەك، پات ئارىدا ھەقىقىي ئەركەكلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغان ئالامەتلەر بار ئىدى. شۇنداقلا، يەنە مەككە ياشلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ ئەگەشتۈرىدىغان، سۆزىگە كىرگۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغان، ئېسىل نەسەب، يۇقىرى مەرتىۋە بار ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرگە يېقىن تۇرىدىغانلىق تەرىپىدىنمۇ ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانا تەرەپ جەمەتى بولغان بەنى زوھرا جەمەتىدىن بولغان تاغىسى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تاغىسى بىلەن پەخىرلىنەتتى.
بىر رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن ئولتۇرغاندا سەئدنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئولتۇرغانلارغا قاراپ: «بۇ مېنىڭ تاغام، قېنى كىمنىڭ مۇشۇنداق تاغىسى بولسا كۆرسىتىپ باقسۇن!» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.
سەئدنىڭ ئىسلامدا تۇرۇشى ئاسانغا چۈشمىدى. ئىسلام بۇ ياشنى قاتتىق سىناقلارغا دۇچار قىلدى. سىناقنىڭ بۇ قاتتىقلىقىدىن ھەتتا ئايەت نازىل بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇ ئاجايىپ كەچۈرمىشنى سۆزلەپ بېرىشكە سەئدنىڭ ئۆزىنى تەكلىپ قىلايلى.
«مەن ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇنداق بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە قاتمۇقات قاراڭغۇلۇق ئىچىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىمنى، بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە بىر ئاينىڭ نۇر چاچقانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئۇ ئايغا ئەگەشتىم ۋە ئالدىمدا بىر قانچە كىشىنىڭ شۇ ئايغا مەندىن ئىلگىرى ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زەيد ئىبنى ھارىس، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئەبۇ بەكرى سىدىق ئىكەن. مەن ئۇلاردىن: ‹سىلەر قاچاندىن بېرى بۇ يەردە تۇرۇۋاتىسىلەر؟› دەپ سورىسام. ئۇلار: ‹بىر ئاز ئىلگىرى› دەپ جاۋاب بېرىشتى.
«تاڭ ئاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يوشۇرۇنچە ئىسلامغا دەۋەت قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. مەن ئاللاھنىڭ ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ، بۇ سەۋەب بىلەن مېنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىشنى خالىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم ـ دە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەپكە چاپتىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن جىياد جىلغىسىدا ئۇچراشتىم. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسىر نامىزى ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇ نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندا مەن ئىمان ئېيتتىم. چۈشۈمدە كۆرگەن ھېلىقى بىر نەچچەيلەن مەندىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقان ئىكەن.
ئانام مېنىڭ ئىسلامغا كىرگىنىمنى ئاڭلاپ تەتۈرلىكى تۇتتى. ئەمەلىيەتتە مەن ئانامنىڭ ناھايىتىمۇ بەك كۆيۈنىدىغان ۋە ئۇنى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرىدىغان بالىسى ئىدىم. ئۇ:
-
ئى سەئد! ئەسلى دىنىڭدىن يېنىپ قوبۇل قىلغان ئۇ زادى قانداق دىن؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سەن بۇ يېڭى دىننى تاشلا. بولمىسا مەن يېمەي، ئىچمەي ئۆلۈپ كېتىمەن… ئۇ چاغدا سەن مەن ئۈچۈن ئېچىنىپ يۈرىكىڭ پارە ـ پارە بولىدۇ. بۇ ئىش سەۋەبىدىن كىشىلەر سېنى ئۆمرۈڭ بويى ئەيىبلەيدۇ، - دېدى ۋە يېمەسلىك ـ ئىچمەسلىك ھەققىدە قەسەم ئىچتى. مەن ئۇنىڭغا:
-
ئى ئانا! ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ! ھەر قانچە قىلسىڭىزمۇ مەن بۇ دىنىمدىن يانمايمەن، - دېدىم.
لېكىم ئانام يېمەسلىك ۋە ئىچمەسلىك قەسىمىدە چىڭ تۇرۇپ بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇ ئورۇقلاپ، تېنى ئاجىزلىشىپ ماغدۇرۇدىن كېتىپ قالدى. بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مەن ئۇنىڭ ئازراق بولسىمۇ يەپ ـ ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كېلىۋەردىم. لېكىن، ئۇ قەتئىي ھېچنېمە يېمىدى. ھەم ماڭا يا مېنىڭ دىنىمدىن يېنىشىمنى يا بولمىسا ئۆزىنىڭ شۇ پېتىچە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى.
- ئى ئانا! مەن ھەقىقەتەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن. لېكىن، مەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرىنى سىزدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىمەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سىزنىڭ مىڭ جېنىڭىز بولۇپ ھەر بىر جېنىڭىز ئاچلىقتىن بىر ـ بىرلەپ چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مەن بۇ دىنىمدىن ھەرگىز يانمايمەن، - دېدىم مەن ئاخىرى.
«ئانام مېنىڭ بۇ قەتئىيلىكىمنى كۆرۈپ ئاخىرى تەن بەردى ۋە مەجبۇرىي ھالدا يەپ ـ ئىچتى.
ئاللاھ بۇ ئەھۋالغا قارىتا: ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن) دېگەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدى.»
ئەمەلىيەتتە سەئدنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كۈنى، مۇسۇلمانلار كۆپ ياخشىلىقلارغا ئېرىشكەن، ئىسلامغا خەيرلىك بىر زات قوشۇلغان بىر كۈن بولغان ئىدى.
بەدىر كۈنى سەئد بىلەن قېرىندىشى ئۆمەيرنىڭ ئاجايىپ كۆرۈنۈشلىرى مەيدانغا كەلگەن بىر كۈن بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆمەير تېخى تولۇق بالاغەتكە يەتمىگەن بىر ئۆسمۈر ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇرۇشقا چىقىدىغان قوشۇننى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىغاندا ئۆمەير ئۆزىنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكى سەۋەبىدىن قالدۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قوشۇننىڭ ئارقا تەرىپىگە مۈكىنىۋالغان ئىدى. بىراق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەنىلا كۆرۈپ قېلىپ قايتۇرۋەتكەندە ئۇ يىغلاشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، رۇخسەت قىلدى. بۇ چاغدا ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ ئاكىسى سەئدنىڭ قېشىغا كەلدى. سەئد ئۇنىڭ قىلىچىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويدى. چۈنكى، ئۇ تېخى كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ قىلىچى يەرگە تىگىپ قالاتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئاكا ـ ئۇكىلار ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇشقا ئاتلاندى.
ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا سەئد جەڭ مەيدانىدا شېھىت قىلىنغان ئىنىسى ئۆمەيرنى قويۇپ مەدىنىگە قايتىپ كەلدى.
ئوھۇد ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارغا مەغلۇبىيەت يۈزلەنگەندە قورققىنىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتتى. پەقەت سەئدلا ئۇنىڭغا يېقىن كىشى بىلەن قېلىپ ياچىقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداپ تۇردى. ئۇنىڭ ئاتقان ھەر بىر ئوقى بىر مۇشرىكنى يەر چىشلىتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بۇ ماھارىتىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ رىغبەتلىەندۈرۈپ: «سەئد ئاتقىن! ئاتقىن!… ئاتا ـ ئانام ساڭا پىدا بولسۇن!» دېدى. سەئد ئۆمۈر بويى بۇ سۆز بىلەن پەخىرلەندى. ئۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچبىر ئادەمگە ئاتا ـ ئانىسىنى تەڭ پىدا قىلمىغان ئىدى» دەيتتى.
ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) خەلىپە ۋاقتىدا پارسلارنى گۇمران قىلىپ، يەر يۈزىدە بۇددىزىمنىڭ يىلتىزىنى قورۇتماق ئۈچۈن قوشۇن تەيارلىماقچى بولغاندا سەئد ئۇلۇغلۇقنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يەتتى.
ئۇرۇشتىن بورۇن ھەرقايسى جايلاردىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا: «ماڭا قورالى، ئېتى، ھەر قايسى جەھەتتىكى تەييارلىقى بار، شېئىر، نۇتۇقتىن جەڭ ئۈچۈن پايدىلىق ئارتۇقچىلىقى بار بارلىق كىشىلەرنى ئەۋەتىڭلار!» دەپ مەكتۇپ ئەۋەتكەندە ھەرقايسى جايلاردىن مۇجاھىد قوشۇنلار بەس ـ بەس بىلەن كېلىشكە باشلىدى. قوشۇن تولۇقلانغاندا، ئۆمەر بۇ دەرىجىدىكى زور قوشۇنغا كىمنى قوماندان قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك: «باتۇر يولۋاس سەئدنى!» دېيىشتى.
ئۆمەر ئۇنىڭغا قوشۇننىڭ بايرىقىنى تۇتقۇزدى. قوشۇن يولغا چىقىش ئالدىدا ئۆمەر سەئدكە نەسىھەت قىلىپ:
- ئى سەئد! سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ۋە دوستى دېيىشلەر مەغرۇرلاندۇرۇپ قالمىسۇن، ئاللاھ يامانلىقنى يامانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق بىلەن ئۆچۈرىدۇ. ئى سەئد ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بويسۇنۇشتىن باشقا ھېچقانداق باغلىنىشلىق يوق. كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىلىكى بىلەن مەرتىۋىسىزىنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى پەرقى تەقۋالىق بىلەنلا ئۆلچىنىدۇ. كىشىلەر پەقەت تەقۋالىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئاللاھقا بويسۇنۇشى بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كۆرگەن ئىشلارغا قارىغىن ھەم ئۇنىڭدىن چەتنەپ كەتمە، بۇ بولسا بۇيرۇق، - دېدى.
قوشۇن ئاتلاندى. قوشۇندا بەدىر ئۇرۇشىغا قاتناشقانلاردىن 99 كىشى، رىزۋان ۋە باشقا بەيئەتلەردە بار كىشىلەردىن 310 نەچچە كىشى بىرگە ئىدى. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەككىنى ئىشغال قىلىشقا قاتناشقانلاردىن 300 كىشى، يېزا پەرزەنتلىرىدىن 700 كىشى بار ئىدى.
سەئد قادىسىيەگە يېتىپ بارغاندا قوشۇننى توختاتتى. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى كۈنى مۇسۇلمانلار قادىسىيەنى تۈپتۈن گۇمران قىلىۋىتىش نىيىتىدە دۈشمەنلەرنى خۇددى كىشەن ئوشۇقنى قىسقاندەك قاتتىق ئىسكەنجە قورشاۋىغا ئالدى. ئۇلار تەكبىر، تەھلىل ئېيتقان ھالدا دۈشمەن سېپىگە تۇشمۇ ـ تۇشتىن بۆسۈپ كىردى. پارسلىقلارنىڭ باش قوماندانى رۇستەمنىڭ بېشى مۇسۇلمانلارنىڭ نەيزىسى ئۈستىدە كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ئالاقىزادىلىككە چۈشتى. ھەتتا، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى چاقىرىپ، ئاندىن ئۆلتۈرەتتى. بۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەن دۈشمەن قوشۇنىنىڭ سانىنىڭ 30 مىڭ ئىكەنلىكىلا بۇ جەڭنىڭ كاتتا غەلىبە ۋە غەنىمەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىغا كۇپايىدۇر.
سەئد ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆپ مال ـ مۈلۈك ئاتا قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭغا ئەجەل يېقىنلاشقاندا ئۇ ئۆزىنىڭ كونىراپ تىتىلىپ كەتكەن تونىنى تەلەپ قىلىپ: «مېنى بۇنىڭ بىلەن كىپەنلەڭلار، چۈنكى، مەن بەدىر كۈنى مۇشۇ توننى كىيگەن ھالدا مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇشقان ئىدىم. مەن يەنە مۇشۇ تون بىلەن ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى خالايمەن…» دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى نۇرلۇق قىلسۇن!
ئەبۇ سوفيان ئىبنى ھارىس
بۆلۈم: “ئەبۇ سوفيان ئىبنى ھارىس”ئەبۇ سوفيان جەننەت يىگىتلىرىنىڭ كاتتىسى.
بۆلۈم: “ئەبۇ سوفيان جەننەت يىگىتلىرىنىڭ كاتتىسى.”- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ سوفيان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت باشقىلاردا كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ سوفيان تەڭ دېمەتلىك بولۇپ، ئۇلار بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ھارىسنىڭ ئوغلى بولۇپ، ھارىس بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى ئابدۇللاھنىڭ ئاتا ـ ئانا بىر قېرىندىشى ئىدى. ھەمدە يەنە ئەبۇ سوفيان بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېمىلداش بولۇپ بەختلىك ئىنىكئانا بولغان ھەلىمە ئۇ ئىككىسىنى تەڭ ئېمىتكەن ئىدى. ئەبۇ سوفيان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇنقى بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى ئىدى. ئۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشايدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇستەھكەم ھەم كەم ئۇچرايدىغان يېقىنلىق مۇناسىۋىتىنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر ئادەم چوقۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك ۋەھيىسى كەلگەندە ئەبۇ سوفيان ئۇنى تەستىقلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋۋىلىدىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىسا كېرەك. بىراق، ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك دەۋىتىنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىدىن باشلاشقا بۇيرۇلغاندا، ھەم شۇ بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ئەبۇ سوفياننىڭ قەلبىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ھەسەت ئوتلىرى لاۋۇلداپ، ئۇلار ئارىسىدىكى دوستلۇق، دۈشمەنلىككە، ئۆزئارا ياردەمدە بولۇش ۋە قېرىنداشلىق يەتكۈزۈش بولسا قارشىلىشىشقا، يۈز ئۆرۈشكە ئۆزگەردى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان مەزگىلەر دەل ئەبۇ سوفياننىڭ قۇرەيشلەر ئىچىدە يۈز ئابرۇيى بار بولغان، چەۋاندازى ھەم شائىرلىرىدىن بولۇپ قالغان مەزگىللىرى ئىدى. ئۇ قورالىنى ۋە تىلىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلىرىغا قارشى تۇرۇشقا، چاقىرقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئىشلىتىشكە باشلىدى. قىسقىسى ئۇ پۈتۈن قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارىنى مۇسۇلمانلارغا، ئىسلام دىنىغا زىيان سېلىشقا قاراتقان ئىدى. قۇرەيش قەبىلىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا پىلانلانغان ھەر قانداق بىر سۇيىقەستتە، مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈلگەن ھەر بىر ئەزىيەتتە ئۇنىڭ چوڭ تۆھپىسى، قوشقان ھەسسىسى بار ئىدى. ئۇ شىئېردىن ئىبارەت ئىقتىدارىنىڭ شەيتان تىلىدىن پايدىلىنىپ، تىلىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلىشقا، ئۇنىڭ ھەققىدە لاۋزا، تېتىقسىز سۆزلەرنى قىلىشقا قويۇۋەتكەن ئىدى.
ئەبۇ سوفياننىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ساقلىغان ئاداۋىتى ھەتتا يىگىرمە يىلغا يېقىن داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن زىيان سالىدىغان، دۈشمەنلىك قىلىدىغان ھەر قانداق بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمىدى. ئۇ بۇ قىلمىشلىرى بىلەن چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزدى.
مەككە فەتھى قىلىنىشتىن ئازراقلا ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئىسلامغا كىرىشتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نېمەت پۈتۈلدى. ئۇنىڭ ئىسلام كەلتۈرۈشىدە تارىخ كىتابلىرىدا داستان بولغۇدەك بىر تەسىرلىك جەريان بولغان ئىدى. بۇنى ئەبۇ سوفيان مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ئىسلام كۈچىيىپ ھەتتا مەككىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن مۇھەممەدنىڭ مەككىگە كېلىدىغانلىق خەۋىرى ماڭا يەتكەندە بېشىمغا غەم تېغى يىقىلدى. زېمىن ماڭا تار تۇيۇلۇپ، نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشۇمنى بىلمىدىم. شۇ ھالدا ئۆز ـ ئۆزۈمگە: ‹قەيەرلەرگىمۇ بارارمەن، كىملەر بىلەن دوستلىشىپ، كىملەر بىلەن ياشارمەن؟› دەپ كەتتىم.
مەن ئايالىم ۋە بالىلىرىمغا: ‹سىلەر مەككىدىن چىقىش تەييارلىقىنى قىلىڭلار، مۇھەممەد كېلىشكە ئاز قالدى، ناۋادا ئۇلار مېنى تۇتۇۋالسا شەكسىز ئۆلتۈرىلىمەن› دېدىم.
ئۇلار ماڭا: ‹ئەرەب مىللىتى ۋە باشقىلارنىڭ مۇھەممەدكە بويسۇنغانلىقىنى، ئۇنى ھىمايە قىلغانلىقىنى كۆرمەيۋاتامسەن؟! سەن تېخىچە ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىپ يۈرۈۋېرەمسەن؟ سەن ئەسلىدە ئۇنىڭ دىنىنى كۈچەيتىدىغان، ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشۇڭ كېرەك ئىدى› دېيىشتى. قىسقىسى ئۇلار مېنى مۇھەممەدنىڭ دىنىغا قىزىقتۇردى. بۇنىڭ بىلەن ھەتتاكى ئاللاھ مېنىڭ دىلىمنى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىۋەتتى. مەن شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا خىزمەتچىم مەزكۇرغا بىر ئات ۋە بىر تۆگە تەييارلاشقا بويرۇدۇم ۋە ئوغلۇم جەئفەرنى ئېلىپ مۇھەممەد بار يەرنى نىشانلاپ يولغا چىقتىم. مەن ئۇنىڭ مەككە بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدىكى ئەبۋا دېگەن يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندە بىرەرسىنىڭ مېنى تونۇپ قېلىپ مەن مۇھەممەد بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن مېنى ئۆلتۈرىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ يۈزۈمنى يۆگىۋالدىم. ئۇنىڭ قوشۇنى بولسا مەككە تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بولغاچقا مەن ئۆزۈمنى ئۇلار بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قېلىشتىن قاچۇرۇپ ماڭدىم.
دەل شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەپ ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ـ دە، دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ يۈزۈمنى ئاچتىم. ئۇ مېنى تونۇپلا باشقا ياققا قارىۋالدى. مەن شۇ ياققا ئۆتتۈم. ئۇ يەنە باشقا ياققا قارىۋالدى. بۇنداق قىلىش بىر قانچە قېتىم تەكرارلاندى.
«مەن بۇ يەرگە كەلگۈچە ‹مېنىڭ ئىسلام كەلتۈرمەكچى بولغانلىقىمدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى چوقۇم سۆيىنىدۇ› دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەندىن يۈز ئۆرىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھەممىسى مەندىن يۈز ئۆرۈدى. ئەبۇبەكرى ماڭا ئۇچرىغان ئىدى، ئۇمۇ قاتتىق يۈز ئۆرۈپ قارىمىدى. مەن ئامالسىز، بوينۇمنى قىسقان ھالدا ئۆمەرگە قارىدىم. ئۇ ماڭا ئەبۇبەكرىدىن ئۆتە قاتتىق يۈز ئۆرۈدى. ھەتتا ئۇنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بىر ئەنسارى:
- ئى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى! سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا زىيان سالغان ئىدىڭ، سېنىڭ ئەسكىلىكىڭنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ… - دېگىنىچە ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ، ماڭا تىل ـ ئاھانەت ياغدۇرۋەتتى. باشقىلار بولسا ماڭا غەزەپلىك ھۇمۇيىشاتتى. ماڭا قىلىنغان بۇ ھاقەرەتلەردىن خۇشاللىنىۋاتاتتى.
مەن تاغام ئابباسنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ:
-
ئى تاغا! مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇغقان، ھەم قەۋمىم ئىچىدىكى مەرتىۋىلىك كىشى بولغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ ئىسلام كەلتۈرمەكچى بولغانلىقىم چوقۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خۇشال قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنى سەنمۇ كۆرۈۋاتىسەن، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەن توغرۇلۇق گەپ قىلغان بولساڭ، - دېدىم. تاغام ماڭا:
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەندىن يۈز ئۆرىگەن ھازىرقىدەك ئەھۋالدا مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سەن توغرۇلۇق ھېچنېمە دېيەلمەيمەن، لېكىن، كېيىن پۇرسەت تېپىپ دەپ باقارمەن، مەن ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىمەن ھەم ئۇنىڭدىن ئەيمىنىمەن، - دېدى.
-
ئۇنداقتا مېنى كىمگە ھاۋالە قىلىسەن؟
-
ئەھۋال يۇقىرىدا دېگىنىمدەك، بۇندىن باشقا بىرنېمە دېيەلمەيمەن.
مەن قاتتىق غەمگە پاتتىم. بىر ئازدىن كېيىن تاغامنىڭ ئوغلى ئەلىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەھۋالىمنى ئېيتتىم. ئۇمۇ تاغامدەكلا سۆزنى قىلدى.
مەن تاغام ئابباسنىڭ يېنىغا قايتا بېرىپ:
-
سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىنى مەن ئۈچۈن يۇمشىتىشقا قادىر بولالمىساڭمۇ، مېنى تىللاۋاتقان كىشىنى تىللاشتىن توختاتساڭ، - دېدىم. تاغام مەندىن ئۇ كىشىنىڭ سۈپىتىنى سورىدى. مەن مۇنداق - مۇنداق شەكىلدىكى ئادەمكەن، دەپ سۈپەتلەپ بەردىم. تاغام:
-
بۇ ئەنسارى نوئمان ئىكەن، - دېدى ـ دە، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا، - ئى نوئمان! ئەبۇ سوفيان بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۈگۈن ئۇنىڭدىن ئاچچىقلىغان بولسىمۇ، يەنە بىر كۈنلەر كېلىپ ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ قالار، ئۇنى تىللىمىساڭ، - دېدى. ئۇ شۇندىلا مېنى تىللاشتىن توختىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۆئفە دېگەن جايغا چۈشكۈن قىلغاندا مەن ئۇنىڭ چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇردۇم، ئوغلۇم جەئفەر يېنىمدا ئۆرە تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ئىشىكىدىن چىقىپ مېنى كۆرگەن ھامانلا يۈزىنى مەندىن ئۆرىۋالاتتى. لېكىن، مەن ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشتىن ئۈمىدسىزلەنمىدىم. ئۇ قانداقلا بىر جايغا چۈشكۈن قىلسا مەن ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئوغلۇمنى يېنىمدا ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويدۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇرۇنقىدەك مەندىن يۈز ئۆرۈۋەردى. بۇ ئىشلار بىر مەزگىلگىچە داۋام قىلىپ بۇ ئىشلار ماڭا ھار كەلگەندە ئايالىمغا:
- ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھامان بىر كۈنى مەندىن رازى بولىدۇ. ناۋادا رازى بولماي قالسا ئوغلۇمنى ئېلىپ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق دەردىدە ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر بېشىم قايغان تەرەپلەرگە كېتىمەن، - دېدىم. بۇ گېپىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېتىپتۇ. ئۇ ماڭا ئىچى ئاغرىتىپتۇ. ئۇ چىدىرىدىن چىققاندا مەندىن يۈزىنى ئۆرىمەي، ئىللىقىنە قاراپ قويدى. ھەتتا مەن ئۇنى كۈلۈمسىرەمدىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەندە مەنمۇ بىرگە كەلدىم. ئۇ مەسجىدكە كىرمەكچى بولسا مەن يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدا كىرەتتىم. مەيلى قانداقلا ئەھۋالدا ئۇنىڭدىن ئايرىلماسلىققا تىرىشتىم.
ھۇنەين كۈنىدە ئەرەبلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى بۇندىن بۇرۇن بولۇپ باقمىغان دەرىجىدە توپلاندى. ئۇلار بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىشقان ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن بىرگە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشقا چىقتى. مەنمۇ چىقتىم. مەن مۇشرىكلارنىڭ زور قوشۇنىنى كۆرگىنىمدە:
- ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن بۇ قېتىمقى جەڭدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرۇپ قىلغان پۈتۈن گۇناھلىرىمنى يۇيىدىغان ئىشنى قىلىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ قىلغانلىرىمدىن، ئۆزىمۇ رازى بولىدىغان ھەم ئاللاھنىمۇ رازى قىلىدىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ، - دېدىم.
ئۇرۇش بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمى كۈچەيگىلى تۇرغاندا مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەننى كۆرگەن مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاشلاپ كېتىپ بىزگە ھەقىقىي مەغلۇبىيەتنىڭ يۈزلىنىشىگە سەۋەبچى بولۇشقا تاسلا قالدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنىڭ كۆلرەڭ خىچىرىنىڭ ئۆستىدە مەزمۇت ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى قوغدىغان ھالداخۇددى تاغدەك ھەيۋەتلىك قامەت بىلەن قىلىچى ئارقىلىق قاتتىق جەڭ قىلىۋاتاتتى.
مەن بۇ چاغدا ئېتىمدىن سەكرەپ چۈشۈپ، قىلىچىمنىڭ غىلاپىنى سۇندۇرۋەتتىم، ئاللاھ مېنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئۆلۈشكە ئاتلانغانلىقىمغا گۇۋاھ ئىدى. بۇ چاغدا تاغام ئابباس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىچىرىنىڭ چۇلۋىرىنى تۇتقان ھالدا ئىدى.
مەن كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىچىرىنىڭ سول تەرەپتىكى ئۈزەڭگىسىنى تۇتقان، ئوڭ قولۇم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداپ قاتتىق جەڭ قىلىشقا چۈشۈپ كەتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا قاتتىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان مېنى تونىيالماي تاغام ئابباستىن:
-
بۇ كىم، - دەپ سورىدى. تاغام:
-
ئۇ سېنىڭ قېرىندىشىڭ، يەنى تاغاڭنىڭ ئوغلى ئەبۇ سوفيان، سەن ئۇنىڭدىن رازى بولساڭ، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
رازى بولدۇم، ئاللاھ ئۇنىڭ ماڭا قىلغان پۈتۈن گۇناھلىرىنى كەچۈرسۈن، - دېدى.
بۇنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن بېشىم ئاسمانغا يەتتى. مەن سۆيۈنگىنىمدىن ئۇنىڭ ئۈزەڭگىدىكى پۇتلىرىنى سۆيۈپ كەتتىم. ئۇ مېنى ئۇرۇشنى داۋام قىلىشقا ئۈندىدى. شۇئان مېنىڭ جەڭ قىلىشقا بولغان ئىشتىياقىم تېخىمۇ ئارتتى. مەن مۇشرىكلار تەرەپكە يولۋاس كەبى ئېتىلدىم، باشقا مۇسۇلمانلارمۇ ماڭا ئەگەشتى. ھەتتا بىز ئۇلارنى بىر پەرسەخ مىقدارى يىراقلىققىچە قوغلاپ، تىرە ـ پېرەڭ قىلىۋەتتۇق…
ئەبۇ سوفيان ھۇنەين كۈنىدىن باشلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي رازىلىقىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىبارەت نېمەتتىن خۇرسەن بولۇپ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشتەك شەرەپتىن بەختكە ئېرىشىپ ياشاشقا باشلىدى. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇن قىلغانلىرىدىن خىجالەت بولغانلىقتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تىكىلىپ قارىيالمايتتى.
ئۇ ئىسلام كەلتۈرمەي ئۆتكۈزۋەتكەن كۈنلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ، كېچىلىرىنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە، قۇرئان ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىشكە ئاتىدى. ۋەز ـ نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلدى. دۇنيانىڭ ھوزۇر ھالاۋەتلىرىدىن قول ئۈزۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بارلىقىنى بېغىشلىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئۇنىڭ مەسجىدكە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئائىشەگە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!):
-سىز ئۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز، - دەپ سورايدۇ. ئائىشە:
-
بىلمەيمەن، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
ئۇ كىشى مېنىڭ تاغامنىڭ ئوغلى ئەبۇ سوفيان، قاراڭ! ئۇ مەسجىدكە كىرىدىغانلارنىڭ ئەۋۋەلى، شۇنداقلا مەسجىدتىن چىقىدىغانلارنىڭ ئاخىرقىسى، ئۇ يەردىن ئۈستۈن قارىمايدۇ، - دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقاندا ئەبۇ سوفيان خۇددى ئانا پەرزەنتىگە قايغۇرغاندىنمۇ بەك قايغۇردى، مەشۇقىدىن ئايرىلغان ئاشىقتىن بەكرەك ئېچىنىپ يىغلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان قاتتىق سېغىنىش، قىيالماسلىق ھەسرەتلىرىنى مەرسىيە قىلىپ ئوقۇدى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) خەلىپىلىك قىلىۋاتقان مەزگىللەردە ئۇ ئۆزىگە ئۆلۈم ئەلچىسىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى سەزگەندەك ئۆز قولى بىلەن ئۆز يەرلىكىنى كولىدى. ئارىدىن ئۈچ ـ تۆت كۈن ئۆتۈپلا ئەجەل ئەلچىسى ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىلى كەلدى. ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ ئايالى ۋە بالىلىرىغا:
- ماڭا قايغۇرماڭلار، مەن ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن بېرى پەقەت گۇناھ ئىش قىلىپ باقمىدىم، - دېدى. ئۇنىڭ روھى پاك ھالەتتە كەتتى.
ئۇنىڭ ۋاپاتى مۇسۇلمانلارغا ناھايىتى ئېغىر كەلدى. ئۆمەر ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئىسلام ئۈچۈن بىر يوقىتىش ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف
بۆلۈم: “ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف”ئاللاھ يولىدا بەرگەن نەرسەڭگىمۇ، ئائىلەڭ ئۈچۈن ئېلىپ قالغان نەرسەڭگىمۇ ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن.
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف ئىسلامغا دەسلەپتە كىرگەن سەككىز كىشىنىڭ ۋە جەننەت بىلەن خوش خەۋەر بېرىلگەن ئۇن كىشىنىڭ، ئۆمەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خەلىپە تاللاش سايلىمىدا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئالتە كىشىنىڭ، مەدىنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا كىشىلەرگە دىنىي ئىشلاردىن پەتىۋا بېرىدىغان بىر قانچە كىشىنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى ئىسمى ئابدۇ ئەمرى بولۇپ، ئۇ ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئابدۇراھمان دەپ چاقىرغان ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دارۇل ئەرقەمگە كىرىشتىن بۇرۇنلا ئىمان كەلتۈرگەن بولۇپ، ئابابەكرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئىمان كەلتۈرۈپ ئىككى كۈندىن كېيىنلا ئىمان كەلتۈرگەن ئىدى.
ئۇ ئاۋۋال مۇسۇلمان بولغانلار ئۇچرىغان بارلىق كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسىگە يولۇقتى، مۇسۇلمانلار دەسلەپكى ھىجرىتى بولغان ھەبەشستانغا ھىجرەت قىلغاندا ئۇمۇ بىرگە ماڭدى. مۇسۇلمانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارىلارنى دوستلاشتۇرۇپ قويغاندا ئابدۇراھماننى سەئد ئىبنى رەبىئە بىلەن دوستلاشتۇرۇپ قويدى.
سەئد قېرىندىشى ئابدۇراھمانغا:
بۆلۈم: “سەئد قېرىندىشى ئابدۇراھمانغا:”- ئى قېرىندىشىم! مەن مەدىنىدىكى ماللىرى كۆپ كىشىلەرنىڭ بىرى، مېنىڭ ئىككى بېغىم ۋە ئىككى ئايالىم بار، قايسى بېغىم كۆڭلۈڭگە ياقسا شۇ باغنى ساڭا بېرىمەن، قايسى ئايالىمنى ياقتۇرساڭ شۇنى نىكاھىمدىن چىقىرىپ ئۇنى ساڭا نىكاھلاپ قوياي، - دېدى.
ئابدۇراھمان سەئدكە:
- ئاللاھ ماللىرىڭ ۋە ئائىلەڭگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! سەن ماڭا بازارنى كۆرسىتىپ قوي! - دېدى. سەئد ئۇنىڭغا بازارنى كۆرسىتىپ قويدى. ئۇ تىجارەت قىلىپ مالغا ئىگە بولدى ۋە تويلۇق ئالالىغۇدەك مالغا ئىگە بولۇپ ئۆيلەندى.
ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇنىڭدا يېڭى توي قىلغان يىگىتلەرنىڭ خۇشخۇيلۇقى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
- ئوھۇي ئابدۇراھمان!- دېدى. ئابدۇراھمان ئۆزىنىڭ ئۆيلەنگەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، - ئايالىڭغا قانچىلىك تويلۇق بەردىڭ؟ - دەپ سورىدى.
ـــ بىر مىقدار ئالتۇن بەردىم. دېدى.
- بىرەر قوي سويۇپ بولسىمۇ توي زىياپىتى بەرگىن، - دېدى. ئارقىدىن يەنە، -ئاللاھ ماللىرىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! - دېدى.
ئابدۇراھمان مۇنداق دەيدۇ: «مال ـ دۇنيا ماڭا شۇنچىلىك يۈزلەندىكى، ھەتتا بىرەر تاشنى كۆتەرسەملا ئۇنىڭ ئاستىدىن ئالتۇن چىقىپ قالىدىغاندەكلا ئىدى.»
بەدىر كۈنى ئۇ قولىغا قورال ئېلىپ ھەقىقىي جىھادقا ئاتلاندى. ئۇ جەڭ مەيدانىدا ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئۆمەر ئىبنى ئوسماننى ئۆلتۈردى. ئوھۇد ئۇرۇشى بولغان كۈنى جەڭ ھەيۋىسىدە كىشىلەرنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ كىرىشكە باشلىغاندىمۇ، ئۇ قىلچە تەۋرەنمەي باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلدى. ئۇ جەڭ مەيدانىدىن قايتقاندا ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ يىگىرمە نەچچە يېرى يارىلانغان بولۇپ، بەزى يارا ئورۇنلىرى ھەتتا بارماق كىرىپ كەتكۈدەك چوڭقۇرلۇقتا ئىدى.
ئابدۇراھماننىڭ جېنى بىلەن قىلغان جىھادىغا قارىغاندا مېلى بىلەن قىلغان جىھادى كۆپ ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر يەرگە ئەۋەتمەك ئۈچۈن قوشۇن تەييارلىماقچى بولۇپ:
-
مەن مەلۇم بىر جايغا ئەۋەتمەك ئۈچۈن قوشۇن تەييارلىماقچى ئىدىم، ئىئانە قىلىڭلار، - دېدى. ئابدۇراھمان ئۆيىگە ئالدىراش بېرىپ كەلدى ـ دە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
-
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھازىر مەندە تۆت مىڭ دىرھەم بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى مىڭىنى ئاللاھقا قەرز بېرىپ تۇردۇم، ئىككى مىڭىنى ئائىلەمگە قالدۇردۇم، - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
- ئاللاھ يولىدا بەرگەن نەرسەڭگىمۇ، ئائىلەڭ ئۈچۈن قالدۇرغان نەرسەڭگىمۇ ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! - دەپ دۇئا قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك غازىتىغا چىقىشنى ئىرادە قىلغاندا مالغا بولغان ئېھتىياجى ئادەمگە بولغان ئېھتىياجىدىن كەم ئەمەس ئىدى. رۇم قوشۇنىنىڭ تەييارلىقى پۇختا، سان جەھەتتە كۆپ ئىدى. مۇسۇلمانلار تۇرۇۋاتقان مەدىنىدە بولسا شۇ يىلى قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن ئىدى. ھەتتا، يوقسۇل مۆمىنلەردىن بىرقانچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىنى جىھادقا ئېلىۋېلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاغ كەمچىل بولۇش سەۋەبى بىلەن ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولمىغان ئىدى. ئۇلار يىغلىغان ھالدا قايتىشقان ئىدى.
بۇ كىشىلەر «يىغلىغۇچىلار»، ئۇرۇشقا تەييارلانغان قوشۇن بولسا «جاپاكەش قوشۇن» دەپ ئاتالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئۇرۇش ئۈچۈن ئىئانە قىلىشقا چاقىردى. ساھابىلەر بۇ چاقىرىقنى ئىجرا قىلىشقا ئاتلاندى. ئابدۇراھمان بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، سەدىقە قىلغۇچىلارنىڭ ئاۋۋىلى بولدى. ئۇ ئىككى يۈز ئۇقىيە ئالتۇن سەدىقە قىلغان ئىدى. بۇ چاغدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
-
مەن ئابدۇراھمان ئائىلىسىگە ھېچنېمە قالدۇرماستىن سەدىقە قىلىۋېتىپ گۇناھكار بولۇپ قالارمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن،- دېگەنىدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
ئى ئابدۇراھمان! ئائىلەڭگە بىرەر نەرسە قالدۇردىڭمۇ؟- دەپ سورىدى.
-
شۇنداق، ئۇلار ئۈچۈن نەپىقە قىلغان بۇ نەرسىدىنمۇ كۆپرەك ھەم ياخشىراقىنى قالدۇردۇم.
-
قانچىلىك نەرسە قالدۇردۇڭ؟
-
ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ۋەدە قىلغان رىزقنى، ياخشىلىق ۋە ئەجىرنى قالدۇرۇپ قويدۇم، - دېدى.
قوشۇن تەبۇكقا قاراپ يولغا چىقتى، بۇ سەپەردە ئاللاھ ئابدۇراھمانغا ھېچكىمگە ئاتا قىلمىغان ھۆرمەتلىنىش پۇرسىتى بىلەن ھۆرمەتلىدى. ناماز ۋاقتى كىرىپ قالغان بىر ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرۈنمىدى. ئابدۇراھمان قوشۇنغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەردى. نامازنىڭ بىرىنچى رەكئىتى ئاخىرلىشاي دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇلۇپ ئابدۇراھماننىڭ كەينىدە ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدى. بۇ دۇنيادا پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىرەرسىنىڭ ئىمام بولىشىدىنمۇ ئارتۇق ھۆرمەت ۋە پەزىلەت بارمۇ؟!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ تۇردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن چىققاتتى، ئۇلار بىرەر جايغا چىقسا ئۇلار بىلەن بىرگە چىققاتتى. ھەج قىلسا بىرگە ھەج قىلاتتى. ئۇلارنىڭ كاجىۋىلىرىغا يېشىل يۇپۇقلارنى يېپىپ قوياتتى. مانا بۇ ئابدۇراھماننىڭ ئارتۇقچىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ ئابدۇراھمانغا ئىشەنگەنلىكى بولۇپ، ئابدۇراھمان بولار بىلەن پەخىرلىنىشىكە ئەرزىيدىغان ئىش ئىدى.
ئابدۇراھماننىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىغا بولغان ياخشىلىقى شۇ دەرىجىدە ئىدىكى، ئۇ بىر پارچە زېمىننى 40 مىڭ دىنارغا سېتىپ ئۇنىڭ ھەممىسىنى بەنى زۇھرە مۇسۇلمانلىرى، مۇجاھىدلارنىڭ يوقسۇللىرىغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى. ئاشۇ مالدىن ئائىشەگە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئېلىپ كېلىنگەندە ئائىشە:
-
بۇ ماللار كىمدىن؟ - دەپ سورىدى.
-
ئابدۇراھماندىن، - دېيىلگەندە ئۇ:
-
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەندىن كېيىن سىلەرگە پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارلا غەمخورلۇق قىلىدۇ» دېگەن ئىدى، - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن بەرىكەت تىلەپ قىلغان دۇئاسى ئۇنىڭغا ئۆمۈر بويى بەرىكەت ئېلىپ كەلدى. ھەتتاكى، ئۇ ساھابىلەرنىڭ ئىچىدە مال دۇنياسى ئەڭ كۆپ كىشىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ تىجارەت دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، تاپاۋىتى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ كارۋانلىرى مەدىنە خەلقى ئېھتىياجلىق بولغان، بۇغداي، ئۇن، ماي، كىيىم - كېچەك، قاچا- قۇچا ۋە خۇشپۇراق نەرسىلەرنى توشۇپ كېلىپ، مەدىنە خەلقىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشقان مەدىنە ماللىرىنى باشقا جايلارغا توشۇپ كېتەتتى.
بىر كۈنى ئابدۇراھماننىڭ كارۋانلىرى مەدىنىگە يېتىپ كەلدى. بۇ كارۋان يەتتە يۈز ئۇلاغدىن تەركىپ تاپقان زور بىر كارۋان ئىدى. كارۋانلار مەدىنە خەلقى ئېھتىياجلىق بولغان ئاشلىق ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ كارۋاننىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن مەدىنە ئىچى تەۋرەپ كەتتى. كارۋانلارنىڭ سۈرەن - چوقانلىرى مەدىنە ئىچىنى بىر ئالغان ئىدى. بۇ تەۋرىنىشتىن خەۋەر تاپقان ئائىشە:
-
نېمە ئىش بولدى؟- دەپ سورىدى.
-
ئابدۇراھماننىڭ يەتتە يۈز تۆگىلىك كارۋىنى يېتىپ كەپتۇ، - دېيىلگىنىدە، ئائىشە:
-
ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن ماللىرىغا بەرىكەت بەرسۇن، ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان ساۋابى تېخىمۇ كاتتا، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئابدۇراھمان جەننەتكە ئۆمۈلەپ كىرىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم،- دەيدۇ.
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ بۇ سۆزى كارۋاننىڭ تۆگىلىرى چۆكتۈرۈلىشتىن بۇرۇن ئابدۇراھماننىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق خۇشال بولغانلىقىدىن ئائىشەنىڭ قېشىغا دەرھال يېتىپ كېلىپ:
-
ئى ئانا، سىز بۇ سۆزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغانمىدىڭىز؟- دەپ سورىدى.
-
شۇنداق.
-
ئەگەر مەن جەننەتكە ئۆرە مېڭىپ كىرەلىسەم، مەن سىزنى گۇۋاھ قىلايكى، مۇشۇ كارۋىنىمنى يۈك - تاقلىرى بىلەن قوشۇپ ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىۋېتىمەن، - دېدى ئابدۇراھمان قاتتىق خۇشاللىنىپ.
شۇ كۈندىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ كۆپ مال سەدىقە قىلىشقا كىرىشتى. ئۇ ئىلكىدىكى نەرسىلەرنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن رەۋىشتە سەدىقە قىلىشقا باشلىدى. ئۇ 40 مىڭ دىرھەم كۈمۈش سەدىقە قىلىپ ئارقىدىن يەنە 40مىڭ دىنار ئالتۇن سەدىقە قىلدى. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىلارغا 500 ئات، 1500 تۇياق ئۇلاغ تەقدىم قىلدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە نۇرغۇن قۇللىرىنى ئازات قىلىۋەتتى.
ئۇ بەدىر ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەر بىر كىشىگە تۆت يۈز دىنار ئالتۇن سەدىقە قىلدى. بۇلارنىڭ سانى يۈز كىشى ئىدى. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە نۇرغۇن مال ۋەسىيەت قىلدى. ئائىشە ئۇنىڭغا كۆپ ۋاقىتلىرىدا:
- ئاللاھ ئۇنى سەلسەبىل بۇلاقلىرى بىلەن سۇغارسۇن، - دەپ دۇئا قىلاتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن مىراسخورلىرىغا ساناقسىز مال، مىڭ تۆگە، يۈز ئات، ئۈچ مىڭ قوي قالدۇردى. تۆت ئايالىنىڭ ھەر بىرىگە شەرىئەتتىكى بەلگىلەنگەن ئۆلچىمى بويىچە مېلىنىڭ سەككىزدىن بىرىنى قالدۇردى، قالدۇرۇلغان مال سەكسەن مىڭ ئىدى. ئۇنىڭ مىراسخورلىرىغا قالدۇرۇلغان ئالتۇنلارنى كەكە -پالتا بىلەن پارچىلىغاندىمۇ قوللىرى تالغىدەك ئالتۇن - كۈمۈش قالدۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ مېلىغا قىلغان بەرىكەت تىلەش دۇئاسىنىڭ پەزىلىتىدىن ئىدى.
لېكىن، ئۇنىڭ ھاياتلىقىدا ئېرىشكەن بۇ مال- دۇنيالىرى ئۇنى قىلچە مەغرۇرلاندۇرمىدى. ئۇ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندا كىشىلەر ئۇنى پەرقلەندۈرەلمەي قالاتتى.
بىر كۈنى ئۇنىڭ خىزمەتكارىدىن بىرى ئۇنىڭغا تائام ئېلىپ كەلدى. ئۇ روزا تۇتۇۋالغان ئىدى. ئۇ ئالدىدىكى تائامغا قاراپ:
- مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ مەندىن ياخشى بەندە ئىدى.
بىز ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوراش ئۈچۈن تاپقان كېپەنلىكىمىز بىلەن بېشىنى يۆگىسەك پۇتى، پۇتىنى يۆگىسەك بېشى ئوچۇق قالغان ئىدى، ئاللاھ بىزگە دۇنيانى كەڭرى قىلىپ بىزنى مالغا ئىگە قىلدى. مەن ساۋابىمىزنىڭ پەقەت مۇشۇ دۇنيادىلا بېرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، - ئۇ بۇلارنى دەپ ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى.
ئۇنىڭغا تۈمەنمىڭ خۇش مۇبارەك بولسۇنكى! ئۇ راستچىل، ئىشەنچىلىك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خوش خەۋەر بەرگەن بەندە ئىدى.
ئۇنىڭ جىنازىسىنى باشتىن ئاخىرغىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس كۈتۈردى. ئىككى نۇرنىڭ ئىگىسى ئوسمان ئىبنى ئەۋففان ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. مۆمىنلەرنىڭ تۆتىنچى خەلىپىسى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن تەزىيە سۆزى سۆزلەپ، مۇنداق دېدى:
- سەن دۇنيانىڭ پاك ۋاقتىنى تېپىۋالدىڭ، ئۇنىڭ قالايماقان بولۇشىدىن بۇرۇنلا كېتىپ قالدىڭ… ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن!
جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ
بۆلۈم: “جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ”مەن جەئفەرنى جەننەتتە كۆردۈم، ئۇنىڭ قانغا مىلەنگەن ئىككى قانىتى باركەن، پۇتلىرىمۇ قانغا مىلىنىپ كېتىپتۇ.
- ھەدىس شەرىپ
ئابدۇمەناف جەمەتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشايدىغان بەش كىشى بار بولۇپ، كۆزى ئاجىز كىشىلەر ئالدىراپ پەرقلەندۈرەلمەيتتى. ئەلۋەتتە ئوقۇرمەنلىرىمىزمۇ بۇ بەش كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلگۈسى كېلىدىغاندۇ. بىز ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بۇ بەش كىشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى.
ئۇلارنىڭ بىرى، ئەبۇ سوفيان ئىبنى ھارىس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ھەم ئېمىلدەش قېرىندىشى. ئىككىنچىسى، قۇسەم ئىبنى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب بولۇپ ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى. ئۈچىنچىسى، سائىب ئىبنى ئۇبەيدە ئىبنى ئابدۇ يەزىد ئىبنى ھاشىم، ئۇ ئىمام شافىينىڭ چوڭ دادىسى، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! تۆتىنچىسى، ھەسەن ئىبنى ئەلى بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى، ئۇ بەش كىشىنىڭ ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەممىدىن بەك ئوخشايدىغىنى. بەشىنچىسى، جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ بولۇپ، ئۇ مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ئەلى ئىبنى تالىپنىڭ قېرىندىشى.
ئەمدى ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى بولغان جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇشنى باشلايلى.
ئەبۇ تالىپ قۇرەيشلىكلەر ئىچىدە يۈز ئابرۇيلۇق، يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشى بولغىنىغا قارىماي، تۇرمۇشى ناچار، بالا-چاقىسى كۆپ كىشى ئىدى. قۇرەيشكە چۈشكەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ بەك ناچارلاشتۇرۋەتكەن ئىدى. زىرائەتلەر قورۇپ كەتكەنلىكتىن ئۇلار چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى يېيىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. شۇ مەزگىلەردە ھاشىم جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ۋە تاغىسى ئابباسلارنىڭ تۇرمۇشى ئەڭ ياخشى تۇرمۇش ھېسابلىناتتى. بىر كۈنى مۇھەممەد تاغىسى ئابباسقا: ئى تاغا! قېرىندىشىڭ ئەبۇ تالىپنىڭ جان سانى كۆپ، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇنىڭ ئائىلىسىگىمۇ باشقىلارغا يەتكەن قەھەتچىلىك يەتتى. بىز بېرىپ بالىلىرىدىن بىرەرىنى بولسىمۇ ئۆز ئۈستىمىزگە ئالايلى، مەن بىر ئوغلىنى ئالاي، سەن بىرىنى ئال! بىز ئۇلارغا ۋاقتىنچە ئاتىدارچىلىق قىلايلى، دېدى.
ئابباس: سەن ھەقىقەتەن بىر ياخشى ئىشقا چاقىردىڭ، دېگىنىچە ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار ئەبۇ تالىپنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسەتلىرىنى بايان قىلدى. ئەبۇ تالىپ ئۇلارغا:
- سىلەر ماڭا ئەقىيلنى قالدۇرۇپ قالغانلىرىدىن خالىغىنىنى ئېلىڭلار، - دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئەلىنى مۇھەممەد، جەئفەرنى ئابباس ئېلىپ كەتتى.
ئەلى تاكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسى كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇردى. پەيغەمبەرلىك كەلگەندىن كېيىن ئىمان كەلتۈرگەن تۇنجى ياش ئەلى بولدى. جەئفەرمۇ تاغىسى بىلەن بىرگە تۇرغان ئىدى. ئۇمۇ دەسلەپ ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئايالى ئەسما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دارۇل ئەرقەمگە كىرىشتىن بۇرۇنلا ئابابەكرىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئىمان ئېيتقان ئىدى.
ئىمان ئېيتقانلىق سەۋەبى بىلەن ھاشىمىيىلىك بۇ يىگىت ۋە ئۇنىڭ ياش ئايالى باشقا ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانلار ئۇچرىغان ئەزىيەت، كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇچرىدى. ئۇلار باشىلىرىغا كەلگەن بۇ قاتتىق ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى. چۈنكى، ئۇلار جەننەتكە بارىدىغان يولنىڭ تىكەن، چاتقاللار بىلەن قورشالغانلىقىنى ياخشى چۈشەنگەن بەندىلەردىن ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بويىچە ئىش كۆرۈشىگە، ئىسلامنىڭ تەلىپى بويىچە ياشىشىغا، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ ياشىشىغا، ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىشىغا دىن دۈشمەنلىرى بولغان قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇ بولۇپ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن تەقىب قىلىپ تۇرىدىغان كۈزەتچىلەرنى بېكىتىشكەن ئىدى.
دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار ئەر- ئايال ئىككىسى باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە دىنلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رۇخسەت ئالدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ پاك نىيەتلىك ياخشى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دېگەندىن باشقا گۇناھى يوق تۇرۇپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ناھايىتى ھار كەلدى. لېكىن، ئۇ چاغلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا ئۇلارنى قوغداپ قالغۇدەك كۈچ يوق ئىدى.
تۇنجى ھىجرەت قىلغۇچى مۇسۇلمانلار گۇرۇھى ھەبەشىستانغا قاراپ يولغا چىققاندا جەئفەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىدى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ پادىشاھنىڭ ھىمايىسىدە ئۇ يەرگە ماكانلاشتى. ئۇلار ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن تۇنجى خاتىرجەملىكنى بۇ يەردىن تاپتى ۋە خاتىرجەم ئىبادەت قىلىشنىڭ ھۇزۇرىدىن بەھىرلەندى.
لېكىن، قۇرەيشلەر ئۇلارنىڭ ھەبەشستان پادىشاھىنىڭ ھىمايىسىدە ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ياكى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، ياكى ئۇلارنى مەككىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىش سۇيىقەستىنى پىلانلاشقا باشلىدى. بۇنىڭغا دائىر ۋەقەلىكلەرنى بۇنىڭ شاھىتى بولغان ئايال ساھابە ھەم مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۆممۇ سەلەمەنىڭ بايانىدىن ئاڭلايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىز ھەبەشىستانغا چۈشكىنىمىزدە ياخشى خوشنىلارغا ئۇچرىدۇق، دىنىمىزدىن خاتىرجەم بولدۇق. ھېچقانداق بىر ئەزىيەتكە ئۇچرىمىغان ھالدا رەببمىزگە ئىبادەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قۇرەيش مۇشرىكلىرى بىزنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىچىلىرىدىكى پاراسەتلىك ۋە كۈچلۈك سانالغان ئىككى كىشىنى نۇرغۇن سوۋغا سالاملار بىلەن ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىنىڭ يېنىغا يولغا ساپتۇ. بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئەمىر ئىبنى ئاس يەنە بىرى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى رەبىئە ئىدى. قۇرەيشلەر ئۇلارنى نەجاشى بىلەن ئۇچرۇشىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇلارغا بىر بۆلۈك سوۋغات بېرىپ، ئۇلارنىڭ نەجاشىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىگە يانتاياق بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ.
ئۇلار ھەبەشىستانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالدىن پىلانلىغان پىلان بويىچە پادىشاھنىڭ ئىپسىكوپلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇلارغا سوۋغىلارنى بېرىپتۇ. ئۇلاردىن سوۋغا قوبۇل قىلمىغان بىرەرىمۇ قالماپتۇ. بۇ ئىككىسى ئۇلارغا:
- سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارغا بىزنىڭ ئەقىلسىز ياشلىرىمىزدىن بىر ئۇچۇم كىشىلەر ئورۇنلىشىپتۇ، ئۇلار ئاتا ـ بوۋىسىنىڭ دىنىدىن چىقىپ، خەلقنى پارچىلىغان كىشىلەردۇر. ئەتە بىز سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلار توغرىسىدا پادىشاھىڭلارغا گەپ قىلساق، سىلەر پادىشاھىڭلارنىڭ ئۇ كىشىلەردىن دىن ھەققىدە بىر نەرسە سورىماستىنلا ئۇلارنى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن بىزگە پايدىلىق گەپ قىلىپ قويساڭلار، ئۇلارنىڭ خەلقىنىڭ كاتتىلىرى ئۇلار ئېتىقاد قىلغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، - دېگەن ئىكەن، ئىپىسىكوپلار ماقۇل، دېيىشىپتۇ. بۇ چاغدا بۇ ئىككىسىگە نىسبەتەن پادىشاھنىڭ بىزنى چاقىرتىپ، سۆزىمىزنى ئاڭلاپ قېلىشىدىن يامان تۇيۇلىدىغان ئىش يوق ئىدى.
ئەتىسى ئۇ ئىككىسى نەجاشىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئېلىپ كەلگەن سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلدى، ئاندىن نەجاشىغا:
- ئى پادىشاھ! سىزنىڭ مەملىكىتىڭىزگە بىزنىڭ بىر ئۇچۇم ئەقىلسىز ياشلىرىمىز كەپتۇ. ئۇلار سىلەرمۇ، بىزمۇ بىلمەيدىغان بىر دىننى ئېلىپ كەلدى. بىزنىڭ دىنىمىزنى تاشلىدى، ھەم سىلەرنىڭ دىنىڭلارغىمۇ كىرمىدى.
ئۇلارنىڭ دادىسى، تاغىلىرى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىدىن بولغان كىشىلەر بىزنى ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە سىزنىڭ ھۇزۇرىڭىزغا ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزۇق ئىشلىرىنى بۇ مۆتىۋەرلەر ئوبدان بىلىدۇ، - دېگەن ئىكەن، نەجاشى ئىپىسىكوپلىرىغا قاراپتۇ. ئىپىسىكوپلار بىردەك:
-
ئۇ ئىككىسى راست ئېيتىدۇ، ئى پادىشاھ! ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرى بۇلارغا ئايدىڭ، شۇڭا ئۇلارنى قايتۇرۋېتەيلى، - دېيشىپتۇ. پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىپ:
-
ياق! مەن ئۇلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئەھۋالنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىمىغىچە ھەرگىز ئۇلارنى قايتۇرۋەتمەيمەن، - دەپتۇ.
نەجاشى بىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بىزگە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. بىز پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن ئىلگىرى بىر يەرگە يىغىلىپ: ‹پادىشاھ چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزدىن سورايدۇ. بىز ئىمان كەلتۈرگەن ئىشلاردىن ئۇلارنى ئاشكارا خەۋەردار قىلايلى، جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ بىزگە ۋاكالىتەن سۆز قىلسۇن، قالغانلىرىمىز سۆز قىلمايلى› دەپ كېلىشىۋالدۇق.
بىز نەجاشىنىڭ ئالدىغا باردۇق، ئۇ ئوردىغا ئىپىسكوپلىرىنىمۇ چاقىرغان ئىكەن. ئۇلار ئۇچىلىرىغا يېشىل تونلىرىنى، باشلىرىغا قالپاقلىرىنى كىيىشىپ، پادىشاھنىڭ تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئالدىدا كىتابلىرىنى ئېچىپ قويغان ھالدا ئولتۇرۇشقان ئىدى. بىز يەنە ھېلىقى ئىككەيلەننىمۇ بۇ يەردە كۆردۇق. بىز جايلىرىمىزغا جايلىشىپ بولغاندا پادىشاھ بىزدىن:
-
سىلەر ئۆزەڭلەرنى ئاتىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىڭلارنىڭ دىنىدىن ئايرىلغان، بىزنىڭ ياكى باشقا بىر مىللەتنىڭمۇ دىنىغا تەۋە بولمىغان بۇ قانداق دىن؟ - دېدى. جەئفەر ئالدىغا چىقىپ:
-
ئى پادىشاھ! بىز بۇرۇن جاھىلىيەت ئىلكىدە ياشايتتۇق، بۇتلارغا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئۆلۈك ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەيتتۇق، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قوياتتۇق، قوشنىلارغا يامانلىق قىلاتتۇق، كۈچلۈكلىرىمىز ئاجىزلىرىمىزنى بوزەك قىلاتتى. بىز مۇشۇنداق بۇزۇق ئىشلارنى قىلىپ يۈرىۋەردۇق. ئاللاھ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ نەسەبىنى، ئۆزىنىڭ راستچىل ۋە ۋاپادار ئىكەنلىكىنى، پاك دىل ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بىر كىشىنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى.
ئۇ بىزنى ئاللاھقا ئىشىنىشكە، ئۇنى بار ۋە بىر دەپ بىلىشكە، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلماسلىققا، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان بۇت، تاشلارغا ئىبادەت قىلىشنى تاشلاشقا، راست سۆزلەشكە، ئامانەتنى ئادا قىلىشقا، سىلە ـ رەھىم قىلىشقا، قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، ھارام ئىشلاردىن قول ئۈزۈشكە، قان تۆكمەسلىككە، بۇزۇق ئىشلاردىن، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، يىتىمنىڭ مېلىنى يېيىشتىن، ئىپپەتلىك ئاياللارغا بوھتان چاپلاشتىن يىراق بولۇشقا چاقىرىدۇ.
شۇنداقلا يەنە، يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، شېرىك ئەمەللەردىن يىراق بولۇشقا، ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، روزا تۇتۇشقا بۇيرۇدى. بىز ئۇنى قوبۇل قىلدۇق. ھەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزگە ھالال قىلغاننى قىلدۇق، ھارام قىلغاندىن چەكلەندۇق.
ئى پادىشاھ! بىزنىڭ كىشىلىرىمىز بىزگە دۈشمەنلىك قىلىپ، بىزنى دىنىمىزدىن قايتۇرۇپ، بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا مەجبۇرلاپ بىزگە قاتتىق ئەزىيەتلەرنى سالدى. بىز بۇنداق زۇلۇم ۋە دىنىمىزغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ۋاقتىدا سېنىڭ مەملىكىتىڭگە كەلدۇق. سېنى باشقىلاردىن ئەلا بىلىپ بۇ يەرنى تاللاپ، سېنىڭ ھامىيلىقىڭنى پاناھ تارتىپ، دىيارىڭغا كېلىشنى خالىدۇق. بىز ئەمدى سەن تەرەپتىن زۇلۇمغا ئۇچرىماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز، -دېدى.
پادىشاھ:
- سەندە ئاللاھتىن پەيغەمبەرگە كەلگەن بىرەر نەرسىنىڭ دەلىلى بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
جەئفەر:
بۆلۈم: “جەئفەر:”-
بار، - دېدى ـ دە، نەجاشىغا ئاللاھنىڭ يەھيا ئەلەيھىسسالمدىن خەۋەر بەرگەن: (كاف، ھا، يا، عين، صاد، بۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى. ئۇ ئېيتتى: ’پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق…( دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغان نەجاشى يىغلاپ، ئاققان ياشلىرى ساقاللىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاللاھنىڭ ئايىتىنى ئاڭلىغان ئىپىسىكوپلارمۇ يىغلاپ، ئاققان ياشلىرى ئالدىلىرىدىكى كىتابلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. نەجاشى:
-
سىلەرنىڭ پەيغەمبەرىڭلار ئېلىپ كەلگەن نەرسە بىلەن ئىسا ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ نۇر مەنبەسى بىر، - دېدى. ئاندىن ھېلىقى ئىككىيلەنگە، - سىلەر قايتىڭلار! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى! مەن بۇلارنى ھەرگىز قايتۇرۇپ بەرمەيمەن، - دېدى.
بىز سورۇندىن قايتتۇق، بىز ئوردىدىن چىقىۋاتقاندا ئەمرى بىزگە تەھدىت سېلىپ، ھەمراھىغا: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەتە مەن پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، تاكى ئۇنىڭ كۆڭلىنى بۇلارغا قارىتا غەزەپ ۋە يامانلىق بىلەن تولدۇرۋەتكىدەك دەرىجىدە بۇلارنى يامانلاپ بېرىمەن، پادىشاھنى بۇلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشقا كۈشكۈرتىمەن› دېدى. ھەمراھى ئۇنىڭغا: ‹ئى ئەمرى! ئۇنداق قىلما، گەرچە ئۇلار بىز بىلەن قارشىلاشقان بولسىمۇ، يەنىلا بىزنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىمىز ئەمەسمۇ؟› دېدى. ئەمرى ئاچىققلىنىپ: ‹قويە بۇ سۆزۈڭنى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن پادىشاھقا: ئۇلار ئىسا ئىبنى مەريەمنى بەندە دەپ قارايدۇ… دەيمەن› دېدى.
ئەتىسى ئەمرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى پادىشاھقا: ‹ئى پادىشاھ! سەن ھىمايە قىلىۋاتقان ئۇ كىشىلەر ئىسا ھەققىدە قەبىھ بىر سۆزنى دەيدۇ، ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ئىسا ھەققىدە نېمە دەيدىغانلىقىنى سورىغىن!› دەپتۇ. بىز بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا بۇندىن بۇرۇن پاتمىغان بىر غەمگە پاتتۇق. بىز بىر بىرىمىزگە: ‹پادىشاھ ئىسا توغرىسىدا سوراپ قالسا نېمە دېسەك بولار؟› دېيىشتۇق، ئاخىردا: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە دەيلى، ھەرقانداق ئىشتا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقىپ كەتمەيلى، شۇ سەۋەبلىك نېمە بولساق مەيلى› دېگەن پىكىرگە كەلدۇق ـ دە، يەنە جەئفەرنى بىزگە ۋاكالىتەن سۆزلەشكە بىرلىككە كېلىشتۇق.
بىز نەجاشىنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلغاندا ئىپىسكوپلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئولتۇرۇشقانلىقىنى كۆردۇق، سورۇندا يەنە ئۇ ئىككىيلەنمۇ بار ئىكەن. نەجاشى بىزدىن:
-
سىلەر ئىسا توغرىسىدا نېمە دەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى.
-
پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەننى دەيمىز.
-
پەيغەمبەرىڭلار نېمە دەيدۇ؟
-
ئۇ، ئىسانى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھنىڭ روھى، شۇنداقلا، توي قىلمىغان قىز مەريەمگە تاشلىغان سۆزى، - دەيدۇ.
بۇ چاغدا نەجاشى قولىنى يەرگە ئۇرۇپ:
- توغرا! ئىسامۇ سىلەرنىڭ پەيغەمبەرىڭلار دېگەندەك دېگەن، - دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئىپىسكوپلار دېماقلىرىنى قېقىشىپ كېتىشتى. نەجاشى ئۇلارنىڭ دېماق قېقىشلىرىغا پەرۋا قىلماستىن بىزگە، - سىلەر قايتىڭلار، سىلەر ئەمىنلىككە ئېرىشكۈچىلەرسىلەر، سىلەرنى بوزەك قىلغانلار زىيان تارتىدۇ. سىلەرگە قارشى چىققان ئادەملەر جازالىنىدۇ. مەن سىلەرنىڭ بىرەرىڭلارنىڭ زىيان تارتىشى بەدىلىگە ماڭا ئالتۇندىن بىر تاغ بولۇشىنى ياقتۇرمايمەن، -دېدى. ئاندىن خىزمەتكارلىرىغا، - بۇ ئىككى ئادەمنىڭ سوۋغاتلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، مېنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتىم يوق، - دېدى.
»
ئۇممۇ سەلەمە يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوردىدىن ھەيۋىتى يەرگە ئۇرۇلغان، خارلانغانلىقتىن سالپايغان ھالدا چىققانلىقىنى كۆردۇق. بىز شۇنىڭدىن كېيىن نەجاشىنىڭ ھىمايىسىدە ئېسىل خوشنىلار بىلەن بىلەن بىرگە تۇردۇق.»
جەئفەر نەجاشىنىڭ ھىمايىسىدە ھەبەشىستاندا خاتىرجەم ھالدا 10 يىل تۇردى. ھىجرىيىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئۇلار باشقا بىر قانچە مۇسۇلمانلار بىلەن مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەرنى فەتھى قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەئفەر بىلەن كۆرۈشكەندە قاتتىق خۇشال بولدى ۋە:
- مەن ھازىر خەيبەرنىڭ فەتھى قىلىنغانلىقىغىمۇ ياكى جەئفەرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىگىمۇ قايسىسىغا بەكرەك خوش بولغانلىقىمنى بىلەلمىدىم، - دەپ كەتكەن ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ كەمبەغەل مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشاللىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇشاللىقىدىن قېلىشمايتتى.
جەئفەر ئاجىزلارغا ناھايىتى ئېتىبار بېرىپ، ئۇلاردىن ھەر قانداق ياخشىلىقىنى ئايىمايتتى. شۇڭا ئۇنىڭغا مىسكىنلەرنىڭ ئاتىسى دېگەن ئات سىڭىپ قالغان ئىدى. ئەبۇ ھۇرەيرە بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزگە بولۇپمۇ مىسكىنلەرگە نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ ياخشىسى جەئفەر ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ تاماق بېرەتتى. ئەگەر ئوزۇقى تۈگەپ قالغان بولسا بىزگە ماي قاچىلايدىغان كىچىك تولىمىنى بېرەتتى. بىز ئۇنى يېرىپ ئىچىگە چاپلىشىپ قالغانلىرىنى يالايتتۇق.»
جەئفەر مەدىنىدە ئۇزاق ياشىمىدى. ھىجىرىيەنىڭ سەككىزىنچى يىلىنىڭ بېشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شام دىيارىدىكى رۇملۇقلارغا قارشى قوشۇن توپلىدى ۋە قوشۇنغا زەيد ئىبنى ھارىسنى باشلىق قىلىپ: «ئەگەر جەڭدە زەيد شېھىت بولسا جەئفەر باشلىق بولسۇن! جەئفەرمۇ شېھىت بولسا ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە باشلىق بولسۇن، ئۇمۇ شېھىت بولسا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ئىچىدىن بىرىنى باشلىق قىلىپ سايلىسۇن » دېدى.
مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئاتلىنىپ مۇئتەگە يېتىپ كەلگەندە رۇملۇقلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەييارلىغانلىقىنى، ئۇلارغا يەنە لەخمى، جۇزام، جۇزائە ۋە باشقا قەبىلىلەردىن تەركىپ تاپقان 100 مىڭ ئەرەب خرىستىئانلىرىنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلىق خەۋىرى كەلدى. مۇسۇلمان قوشۇنىنىڭ سانى بولسا ئارانلا 3000 ئىدى.
ئىككى تەرەپ ئۇچراشقاندا زەيد شېھىت بولدى. بۇنى كۆرگەن جەئفەر دەرھال ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ زەيدنىڭ ئېتىنىڭ تۆت پۇتىنى چېپىپ تاشلىدى. چۈنكى، بۇنىڭ ئېتى نەسىلىك، ئېسىل ئاتلاردىن بولۇپ، دۈشمەنلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى بار ئىدى. ئاندىن بايراقنى كۆتۈرۈپ شېئىر ئوقۇغان ھالدا دۈشمەن سېپىنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ كەتتى.
نەقەدەر شېرىن جەننەت لەززىتى؟
بىلىنەر كىشىگە، شېھىتلىك يېقىن.
جەڭ تەپتىنى قوغلار جىسمىڭدىن
مۇزدەك شەربەت، كەۋسەردىن ئېقىن!
رۇملۇقلار كىم؟ رۇملۇقلار كاپىر،
دېمەك ئاڭا ماكان مەھشەرگاھ.
بىزدىن بۆلەك نەسەب ۋە دىنى،
قېنىن تۆكسەك ساۋاب، بىز، ناگاھ.
ئۇ شۇ تەرزدە چېپىش بىلەن ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئوڭ قولى كېسىلدى. ئۇ دەرھال بايراقنى سول قولىغا ئالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي سول قولى كېسىلدى. ئۇ بايراقنى كۆكرىكى بىلەن تىرەپ ئىككى بېلىكى بىلەن قامالىۋالدى. بىرئازدىن كېيىن يەنە بىر زەربە بىلەن ئۇنىڭ بەدىنى ئىككى پارچە قىلىندى. ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە ئۇنىڭ قولىدىن بايراقنى ئېلىپ باتۇرلارچە ئۇرۇشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇمۇ ئاۋۋال كەتكەن ئىككى دوستىغا قوشۇلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۈچ قومانداننىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى قايغۇردى. ئۇ جەئفەرنىڭ ئائىلىسىگە باردى. جەئفەرنىڭ ئايالى ئەسما بۇ چاغدا بالىلىرىنى يۇيۇندۇرۇپ، پاكىزە كىيىندۈرۈپ خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ئۇلارنى ياساپ قويغان، ئۆزىمۇ تەييارلىنىپ، تاماققا خېمىر يۇغۇرۇپ قويغان ئىدى.
ئەسما مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىمىزگە كەلگەندە ئۇنىڭ چىرايىدىن غەم قايغۇ ئالامىتى بىلىنىپ تۇراتتى. كۆڭلۈمدە بىر ئەنسىزچىلىك پەيدا بولدى. لېكىن، بىرەر كۆڭۈلسىز خەۋەر ئاڭلاپ قالماي دەپ ئېرىم توغرىسىدا گەپ سوراشنى خالىمىدىم. ئۇ ماڭا سالام قىلغاندىن كېيىن:
-
سىز ماڭا جەئفەرنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بېرىڭ! - دېدى. مەن بالىلىرىمنى چاقىردىم. بالىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىشتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن تۇرۇش ئۈچۈن بىر ـ بىرى بىلەن سىغداشقىلى تۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ پۇراشقا باشلىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار سىرغىپ چۈشىۋاتتى. مەن دەرھال ناھايىتى جىددىي تەلەپپۇزدا:
-
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاتا -ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، زادى نېمە ئۈچۈن يىغلايسەن؟ جەئفەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا بىرەر مۇسىبەت يېتىپتىمۇ؟ - دەپ سورىدىم.
-
شۇنداق ئۇلار بۈگۈن شېھىت قىلىنىپتۇ، - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
ئانىسىنىڭ ئېسەدەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بالىلارنىڭ چىرايىدىكى خۇشاللىقلار ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولدى ۋە تۇرغان ئۇرۇنلىرىدا تۇرۇپلا قېلىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ ئارقىغا يېنىپ كېتىۋېتىپ:
- ئى ئاللاھ سەن جەئفەرنىڭ بالىلىرىنى ياخشى ئىزباسار قىلىپ بەرگىن، ئى ئاللاھ جەئفەرنىڭ بالىلىرىنى ياخشى ئىزباسار قىلىپ بەرگىن! - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، -مەن جەئفەرنى جەننەتتە كۆردۈم، ئۇنىڭ قانغا مىلىنىپ كەتكەن ئىككى قانىتى بار ئىكەن، ئۇنىڭ پۇتلىرىمۇ قان بىلەن بويۇلۇپ كېتىپتۇ.
