Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

1-قىسىم: سەئىيد ئىبنى ئامىردىن سۇراقەگىچە (1–10-ساھابىلەر)

This content is not yet available in your language.

ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانمىلار

ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئابدۇلغەنى ئابدۇلئەزىز

مەسئۇل مۇھەررىرى: ئۇيغۇر ئوغلى ئۇيغۇر

مەسئۇل كوررېكتورى: ئا. روزى توختى

مۇندەرىجە

سەئىيد ئىبنى ئامر ئەلجۈمەھى

بۆلۈم: “سەئىيد ئىبنى ئامر ئەلجۈمەھى”

سەئىيد ئىبى ئامر ئەلجۈمەھى بۇ دۇنياغا ئاخىرەتنى سېتىۋالغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويغان كىشى ئىدى.

  • تارىخچىلار

ياش يىگىت سەئىيد ئىبنى ئامر ئەلجۈمەھى-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابىلىرىدىن بىر- خۇبەيب ئىبنى ئەدىينى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن شۇنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەككىنىڭ سىرتىدىكى تەنئىم رايونىغا چىقىشقا تەشكىللەنگەن نەچچە مىڭ قۇرەيشلەر ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

ئاللاھ سەئىيدنىڭ نەۋقىران ياشلىقى، پىشىپ يېتىلگەن يىگىتلىكى كىشىلەر بىلەن تەڭ تۇرۇش، ھەتتا ئەبۇسۇفيان، سەفۋان ئىبنى ئۇمەييەلەردەك قۇرەيش كاتتىۋاشلىرىغا ئوخشاش سەپنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان قۇرەيش پىشقەدەملىرى بىلەن باراۋەر تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. بۇ ئۇنىڭغا قۇرەيشلەرنىڭ كىشەنلەنگەن ئەسىرى خۇبەيبنى كۆرۈش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى. ئاياللار، بالىلار ۋە ياشلار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن شەخسىي ئىنتىقامىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بەدىردە ئۆلگەن كىشىلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈم مەيدانىغا ئىتتىرىپ ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.

بۇ جامائەت ئۆز ئەسىرىنى ئۆلتۈرۈش مەيدانىغا ئېلىپ بارغاندا سەئىيد ئۆزىنىڭ ئېگىز قامىتى بىلەن دار ئالدىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان خۇبەيبنى كۆرۈپ توختىدى ۋە ئاياللار، بالىلارنىڭ چۇقانلىرى ئارىسىدىن خۇبەيبنىڭ تەمكىن، كۆتۈرەڭگۈ ئاۋازىنى ئاڭلىدى:

  • ئەگەر خالىساڭلار ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋالسام.

سەئىيد خۇبەيبكە قارىدى. خۇبەيب قىبلىگە قاراپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. بۇ ئىككى رەكئەت ناماز ھەقىقەتەن چىرايلىق ۋە مۇكەممەل ئوقۇلغان ئىدى. ئاندىن خۇبەيب قۇرەيشلەرنىڭ باشلىقلىرىغا ئالدىنى قىلىپ:

  • ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى ‹ئۆلۈمدىن قورقۇپ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇدى› دەپ قالمىسۇن دېمەيدىغان بولسام، تېخىمۇ ئۇزۇن ئوقۇيتتىم، - دېدى.

سەئىيد ئۆز قوۋمىنىڭ خۇبەيبنى تىرىك تۇرغۇزۇپ چاناۋاتقانلىقىنى، بەدىنىنى بىر ـ بىرلەپ يۇناۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار خۇبەيبكە:

  • سەن قۇتۇلۇپ سېنىڭ ئورنۇڭدا مۇھەممەدنىڭ بولۇشىنى خالامسەن؟ - دەيتتى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن قانلار ئېقىۋاتاتتى، خۇبەيب جاۋابەن:

  • ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆيۈمدە بالىلىرىم بىلەن خاتىرجەم تۇرۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىر تال تىكەننىڭ كىرىشىگە قەتئىي رازى ئەمەس! - دېدى.

شۇ ھامان كىشىلەرنىڭ قوللىرى بوشلۇقتا پولاڭلاپ:

  • ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! - دېگەن چۇقانلىرى كۆككە كۆتۈرۈلدى.

سەئىيد خۇبەيبنىڭ دار ئۈستىدىن كۆزىنى ئاسمانغا تىكىپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دەيتتى:

  • ئى ئاللاھ! ئۇلارنى بىر پۈتۈن يىغقىن! بىر- بىرلەپ ئۆلتۈرگىن! بىرىنىمۇ قالدۇرمىغىن! - ئۇنىڭ شۇنداق دەپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ تۇرغان پېتى نەپسى ئۈزۈلدى. ئۇنىڭ جەسىتىدىكى قىلىچ ئۇرۇلغان نەيزە سانجىلغان جايلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.

قۇرەيشلىكلەر مەككىگە قايتىشتى. چوڭ ۋەقەلەر قىستاڭچىلىقىدا خۇبەيب ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇنتۇپ كەتتى.

لېكىن خۇبەيب، قۇرامىغا يەتكەن سەئىيدنىڭ خاتىرىسىدىن بىر مىنۇتمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى. ئۇ خۇبەيبنى ئۇخلىسا چۈشىدە، ئويغانسا كۆڭۈل ئىكرانىدا كۆرەتتى. خۇبەيبنىڭ دار ئالدىدا خاتىرجەم، تەمكىن ھالدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كېلەتتى. سەئىيدنىڭ قۇلاق تۈۋىدە خۇبەينىڭ قۇرەيشلەرنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلىۋاتقان ئاۋازى جاراڭلايتتى ـ دە، ئۆزىگە مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپ قىلىشىدىن قورقاتتى.

خۇبەيب سەئىيدقا بۇندىن بۇرۇن بىلىمگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ قويدى.

ئۇنىڭغا ھەقىقىي ھاياتلىقنىڭ ئەقىدە ۋە شۇ ئەقىدە يولىدا ئۆلگۈچە كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى، مۇستەھكەم ئىماننىڭ ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى، مۆجىزىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ قويدى.

ئۇنىڭغا يەنە، ھەمسۆھبەتلىرى پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرىدىغان بۇ كىشىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئاسماندىن كۈچلەندۈرۈلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىپ قويدى.

بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ سەئىيدنىڭ قەلبىنى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىۋەتتى. سەئىيد كىشىلەر ئارىسىدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قۇرەيشلەرنىڭ يامانلىقلىرىدىن بىزار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىدىن قول ئۈزگەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەئىيد مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تۇردى. خەيبەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئۇرۇشلارغا قاتناشتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا سەئىيدتىن رازى ئىدى. سەئىيد شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى خەلىپىسى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن!) نىڭ قولىدىكى يالىڭاچلانغان قىلىچ بولۇپ تۇردى، ھەمدە دۇنياغا ئاخىرەتنى سېتىۋالغان، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابىنى، كۆڭۈللەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى، جىسىمنىڭ شەھۋەتلىرىدىن ئۈستۈن بىلگەن مۆمىنلەرنىڭ مىسلىسىز ئۈلگۈسى بولۇپ ياشىدى.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى خەلىپىسى سەئىيدنىڭ راستچىللىقى ۋە ئۇنىڭ تەقۋالىقىنى بىلەتتى، ئۇنىڭ نەسىھىيىتىگە قۇلاق سالاتتى. سۆزىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. سەئىيد ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ:

  • ئى ئۆمەر! مەن سېنىڭ كىشىلەر توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇشۇڭنى، ئاللاھ توغرىسىدا كىشىلەردىن قورقماسلىقىڭنى، سۆزۈڭنىڭ ئىش- ھەرىكىتىڭگە قارشى بولماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چوقۇمكى، سۆزنىڭ ياخشىسى ئەمەلىيەتتە ئېلىپ بېرىلغىنى…

ــــ ئى ئۆمەر! ئاللاھ سېنى ئىشلىرىغا باشلىق قىلىپ قويغان يېقىن- يىراق جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدا ئادىل بول! سەن ئۆزۈڭگە ۋە بالا- چاقىلىرىڭغا ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۇلارغىمۇ ياخشى كۆر! ئۆزۈڭگە ۋە بالا ـ چاقىلىرىڭغا يامان كۆرگەن نەرسىنى ئۇلارغىمۇ يامان كۆر! ھەقىقەتكە چوڭقۇر چۆككىن! ئاللاھ توغرىسىدىكى پىتنىخورنىڭ پىتنىسىدىن قورقما! - دېگەنىدى، ئۆمەر:

ـــ ئى سەئىيد! بۇنىڭغا كىممۇ قادىر بولالايدۇ؟! - دېگەندە، سەئىيد:

  • بۇنىڭغا، ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئىشىغا ئىگە قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە بولمىغان ساڭا ئوخشاش ئادەم قادىر بولالايدۇ، - دېدى.

ئۆمەر سەئىيدنى ھۇزۇرىغا چاقىرىتىپ:

ــــ ئى سەئىيد! بىز سېنى ھىمسە شەھىرىگە ۋالىي قىلماقچى، - دېدى.

ــــ ئۆمەر! مېنى ئازدۇرمىساڭ! مېنى دۇنياغا يېقىن يولاتمىساڭ! - دېدى سەئىيد. بۇ چاغدا ئۆمەر ئاچچىقلاپ:

  • ۋاي ئىسىت سىلەرگە! سىلەر مۇشۇنچە ئىشلارنى مېنىڭ زېممەمگە قويۇپ قويدۇڭلار! ئاندىن مەندىن يىراقلاشتىڭلار! - دېدى ۋە ئۇنى ھىمسە شەھىرىگە ۋالىي قىلدى ۋە - سىزگە مائاش توختىتىپ بېرىمىزمۇ؟ - دېگەندە، سەئىيد:

ــــ ئەمىيرىل مۆمىن! مەن ئۇنى نېمە قىلىمەن؟ مېنىڭ بەيتۇل مالدىن كەلگەن نېسىۋەم ھاجىتىمدىن يېتىپ ئاشىدۇ - دېدى ـ دە، ھىمسەگە قاراپ يول ئالدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي ھىمسە شەھىرىدىن بىر تۈركۈم ئىشەنچلىك كىشىلەر ئۆمەرنىڭ قېشىغا ئەلچىلىككە كەلدى، ئۆمەر ئۇلارغا:

ــــ سىلەر ماڭا ئاراڭلاردىكى كەمبەغەللەرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بېرىڭلار، مەن ھاجىتىدىن چىقاي - دېدى.

ئۇلار بىر پارچە خەت كۆتۈرۈپ كېلىشتى، ئۇ خەتتە كەمبەغەللەرنىڭ ئىسمى بار بولۇپ، شۇ قاتاردا «سەئىيد ئىبنى ئامىر» دەپ بىر ئادەم بار ئىكەن، ئۆمەر، - سەئىيد ئىبنى ئامىر دېگەن كىم؟ - دەپ سورىدى.

ــــ بىزنىڭ باشلىقىمىز! - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئەلچىلەر جاۋابەن.

ــــ باشلىقىڭلار كەمبەغەلمۇ؟ - دەپ سورىدى ئۆمەر.

ــــ ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن ئۇدا ئوت يېقىلمايدۇ، - دېيىشتى.

ئۆمەر يىغلاپ كەتتى، ھەتتاكى ياشلىرى ساقىلىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاندىن مىڭ دىنار تەييارلاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:

ــــ ئۇنىڭغا مەندىن سالام ئېيتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا «مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بۇ پۇللارنى ئىشلەتسۇن دەپ، سىزگە ئەۋەتتى» دەڭلار! - دېدى.

ئەلچىلەر سەئىيدنىڭ قېشىغا ھەمياننى ئېلىپ باردى. سەئىيد ھەمياندىكى پۇلنى كۆرۈپ ئۇنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، خۇددى ئازاب چۈشكەندەك:

ــــ بىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، يەنە ئاللاھ تەرەپكە قايتىمىز، - دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئايالى يۈگۈرۈپ چىقىپ:

ــــ ئى سەئىيد ساڭا نېمە بولدى؟ ئەمىرۇلمۆمىن ۋاپات بوپتۇمۇ؟ - دەپ سورىدى.

ــــ ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق ئىش بوپتۇ، - دېدى سەئىيد.

ــــ مۇسۇلمانلار بىرەر ۋەقەگە دۇچ كەپتۇمۇ؟ - دەپ قايتا سورىدى ئايالى يەنە، - ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق نېمە ئىش بوپتۇ؟

ــــ ئاخىرەتلىكىمنى بۇزغىلى دۇنيا كىردى، ئۆيۈمگە پىتنە چۈشتى، - دېدى. ئايالى بۇنى ئاڭلاپ:

ــــ ئۇنىڭدىن يىراق بولۇڭ! - دېدى.

ــــ ماڭا مۇشۇ ئىشتا ياردەم بېرەمسەن؟:

ــــ ھەئە، - دېدى ئايالى دەرھال.

سەئىيد دىنارلارنى ھەميانغا سېلىپ كەمبەغەل مۇسۇلمانلارغا تارقىتىپ بەردى…

يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب شام شەھىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى ھىمسە شەھىرىگە كەلگەندە، ھىمسە شەھىرىنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا سالامغا كەلدى. ئۆمەر ئۇلاردىن:

  • باشلىقىڭلار قانداقكەن؟ - دەپ سورىدى.

ئۇلار سەئىيدنىڭ ئۈستىدىن تۆت ئىشنى شىكايەت قىلىشتى. ئۇ ئىشلار بىر ـ بىرسىدىن چوڭ ئىدى.

ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ:

«مەن سەئىيد ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنى يىغدىم ۋە ئاللاھ تائالادىن گۇمانىمنى ئىشقا ئاشۇرماسلىقنى تىلىدىم. مەن سەئىيدتىن چوڭ ئۈمىدتە ئىدىم. ئۇلار ھەممىسى يىغىلىپ بولغاندا مەن ئۇلاردىن:

  • باشلىقىڭلاردىن نېمىنى شىكايەت قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدىم.

  • ئۇ بىزنىڭ قېشىمىزغا كۈن چىقمىغۇچە چىقمايدۇ، - دېيىشتى.

ـــ سەئىيد! سەن بۇ توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ - دەپ سورىدىم سەئىيدتىن.

سەئىيد بىردەم جىم تۇرۇپ:

بۆلۈم: “سەئىيد بىردەم جىم تۇرۇپ:”
  • ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ ئىشنى ئاشكارا قىلىشنى بەكمۇ يامان كۆرەتتىم. ئەمما دېمەي ئامال بولمىدى، مەن ئادەتتە خېمىر يۇغۇرىمەن، خېمىر ئۆرلەپ (تىنىپ) بولغۇچە كۈتۈپ تۇرىمەن، ئاندىن تاھارەت ئېلىپ كىشىلەرنىڭ قېشىغا چىقىمەن، - دېدى.»

ئۆمەر يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن كىشىلەردىن ‹سەئىيدتىن يەنە قانداق ئىشلارنى شىكايەت قىلىسىلەر؟› دېسەم، ئۇلار:

  • ئۇ كېچىدە ھېچكىمگە ئىشىكنى ئاچمايدۇ، - دېيىشتى.

  • سەئىيد! سەن بۇ توغرىدا نېمە دەيسەن؟ - دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

ــــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ ئىشنىمۇ ئاشكارا قىلىشنى ياقتۇرمايتتىم. مەن كېچىنى ئاللاھ ئۈچۈن، كۈندۈزنى كىشىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىدىم، - دېدى.

  • سىلەر سەئىيدتىن يەنە نېمىنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدىم مۆتىۋەرلەردىن.

  • ئۇ قېشىمىزغا ھەر ئايدا بىر كۈن چىقمايدۇ، - دېيىشتى ئۇلار.

  • سەئىيد! بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدىم.

  • ئى ئەمىرۇل مۆمىن!

مېنىڭ ئۆيۈمدە خىزمەتچى يوق، كىيىۋاتقان كىيىمىمدىن باشقا كىيىمىممۇ يوق، مەن ئۇنى ھەر ئايدا بىر قېتىم يۇيىمەن، قۇرۇپ بولغۇچە كۈتۈپ تۇرىمەن، ئاندىن ئۇلارنىڭ قېىشىغا كەچ تەرەپتە چىقىمەن، - دېدى سەئىيد.

  • سىلەر يەنە سەئىيد توغرىسىدا نېمىنى شىكايەت قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدىم. ئۇلار:

  • ئۇ بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ كىشىلەرنى تاشلاپ سورۇندىن چىقىپ كېتىدۇ، - دېيىشتى. مەن:

  • سەئىيد! بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدىم.

  • مەن ئىلگىرى مۇشرىك ۋاقتىمدا خۇبەيبنىڭ ئۆلۈم مەيدانىدا ھازىر ئىدىم، قۇرەيشلەرنىڭ ئۇنىڭ جەسىتىنى پارچىلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇلار خۇبەيبكە: سەن قۇتۇلۇپ مۇھەممەدنىڭ سېنىڭ ئورنۇڭدا بولۇشىنى خالامسەن؟ دېگەندە، خۇبەيب جاۋابەن: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆيۈمدە خاتىرجەم تۇرۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىر تال تىكەننىڭ سانجىلىپ قېلىشىغا رازى ئەمەسمەن› دېگەنىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن مۇشۇ كۈننى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرمىگەنلىكىمنى ئويلىسام، ئاللاھ مېنىڭ گۇناھلىرىمنى كەچۈرمەسمىكىن، دەپ ئويلاپ قالىمەن. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا مەن خۇدۇمنى يوقىتىپ قويىمەن، - دېدى سەئىيد.»

بۇ ۋاقىتتا ئۆمەر: «گۇمانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان ئاللاھ تائالاغا مىڭ شۈكرى» دەپ ئۆز ـ ئۆزىگە پىچىرلىدى.

ئاندىن سەئىيدنىڭ ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن مىڭ دىنار ئەۋەتىپ بەردى. بۇ پۇللارنى كۆرگەن ئايالى، سەئىيدقا:

  • بىزنى، سىزنى خىزمەتكە سېلىشتىن بىھاجەت قىلغان ئاللاھ تائالاغا يۈزمىڭ شۈكرى، بىزگە ئاشلىق سېتىۋېلىپ، خىزمەتچى سېلىپ بېرىڭ! - دېۋېدى، سەئىيد:

  • سىزگە بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بولسا مەيلىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

  • نېمە ئۇ؟ - دەپ سورىدى ئايالى قىزىقىپ.

  • بىز بۇ پۇللارنى قېشىمىزغا سوراپ كەلگەنلەرگە بېرىمىز، بىز بۇ پۇللار ئارقىلىق كېلىدىغان نەرسىگە بەك موھتاج.

  • ئۇ نېمە؟

  • بىز ئۇنى چىرايلىق قەرز سۈپىتىدە بېرىپ تۇرىمىز.

  • بولىدۇ، ئاللاھ سىزگە ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن.

سەئىيد ئورنىدىن يۆتكەلمەيلا دىنارلارنى ھەميانغا سېلىپ بالىلىرىدىن بىرىگە: «سەن بۇ پۇللارنى پالانىنىڭ تۇل ئايالىغا، پالانىنىڭ يىتىملىرىگە، پالانىنىڭ مىسكىنلىرىگە، پالانىنىڭ ھاجەتمەنلىرىگە، ئاپىرىپ بەرگىن!» دەپ تاپشۇردى.

ئاللاھ سەئىيد ئىبنى ئامر ئەل جۈمەھىدىن رازى بولسۇن! ئۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتى بار تۇرۇقلۇق، ئۆزىدىن باشقىلارنى ئەلا بىلگەن كىشى ئىدى…

فاتىمە بىنت مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

بۆلۈم: “فاتىمە بىنت مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم”

فاتىمە - مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ۋە خەدىچەنىڭ بەشىنچى قىزى بولۇپ، ئۇ سۆيۈملۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە ئەتراپىدىكى تاغلاردا يالغۇز ئىستىقامەت قىلىپ، مەۋجۇداتلارنىڭ يارىتىلىشىدىكى بۈيۈك مۆجىزىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىۋاتقان، پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىللەردە دۇنياغا كەلدى.

بۇ ئۇنىڭ چوڭ ھەدىسى زەينەبنىڭ ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەبۇلئاس ئىبنى رەبىيئەگە ياتلىق بولغان ۋاقتى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى ھەدىسى رۇقييە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلغانلار ئىدى.

كىچىك فاتىمە ھەدىلىرىنىڭ ياتلىق بولۇپ، بىر ـ بىرلەپ ئۆيدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، «توي» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ۋە ھەدىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئۇقمايتتى. ئۇ ھەدىلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇلار ئۆيدىن ئايرىلغاندا ناھايىتى غېرىبلىق ھېس قىلدى ۋە تولىمۇ بىئارام بولدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ جىمىغۇر ۋە كەمسۆز بولۇپ قالغان ئىدى.

ئەلۋەتتە، ھەدىلىرى توي قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يالغۇز قالمىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئامىنەنىڭ چۆرىسى - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان بەرەقە، زەيد ئىبنى ھارىسە ۋە ئەبۇ تالىپنىڭ كىچىك ئوغلى ئەلى قاتارلىقلار رەسۇلۇللاھ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى خەدىچەمۇ بار ئىدى.

ئانىسىنىڭ ۋە بەرەقەنىڭ تەربىيىسىدە ئۇ چوڭقۇر تەسەللىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن ئىككى ياش چوڭ بولغان ئەلى، بالىلىق ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئۆز ئاكىسى قاسىمنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا «ئاكا» ۋە دوست بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى، تاييىب ۋە تاھىر دەپ لەقەملەنگەن ئابدۇللاھمۇ بالىلىق دەۋرىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ فاتىمە ئۆز ئۆيىدە ئۆزىنىڭ ھەدىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن غەمسىز ۋە خۇشال ـ خۇرام تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ چېچەن بالا بولغان ئىدى.

ئۇ بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، دادىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى - رەسۇلۇللاھ بولغانلىقىنى ئاڭلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى- ئىسلامنىڭ خوش ـ خەۋىرىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا يەتكۈزۈش ئىدى. ئۇلار پەقەت ھەممىدىن قادىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسى ۋە قوللىغۇچىسى بولغان خەدىچە فاتىمەگە دادىسىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ دادىسىغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كەتتى ھەمدە دادىسىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئۇ رەسۇلۇللاھ مەككىنىڭ تار كوچىلىرىدا كېتىۋاتقاندا، كەئبىنى زىيارەت قىلغاندا، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەخپىي يىغىلىشلىرىغا قاتناشقاندا ۋە ئۇلار پەيغەمبەرگە بەيئەت قىلغاندا دائىم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتى.

بىر كۈنى ئۇ دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ مەسجىدى ھەرامغا باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىگە قارىشىپ تۇرىدىغان «ھىجىر» دەپ ئاتىلىدىغان يەردە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا باشلىدى. فاتىمە ئۇنىڭ يېنىدا تۇردى، بۇ چاغدا ئۇ 10 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى.

رەسۇلۇللاھقا دۈشمەنلىك قىلىشتا چەكتىن ئاشقان بىر توپ قۇرەيش يىغىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇ جەھل ئىبنى ھىشام، ئوقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيت، ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ۋە رابىئەنىڭ ئوغۇللىرى شەيبە بىلەن ئۇتبە قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇلار زەھەرخەندىلىك بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىشتى. ئەبۇ جەھل ئۇلاردىن:

  • قايسىڭلار تۆگىنىڭ قېرىنىنى ئېلىپ كېلىپ، مۇھەممەدنىڭ ئۈستىگە تاشلىيالايسىلەر؟ - دەپ سورىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەبىھراقى بولغان ئوقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيت قىزغىنلىق بىلەن شۇنداق قىلىشقا ماڭدى. ئۇ قېرىنىنى ئېلىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) سەجدە قىلىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد شۇ يەردە بار بولسىمۇ، بىر نەرسە دېيىشكە ياكى قېرىنىنى ئېلىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشتىن ئاجىز ئىدى.

دادىسىنىڭ مۇشۇنداق مەسخىرىلىك مۇئامىلىگە ۋە خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن فاتىمەنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! تېخى 10 ياشقىمۇ كىرمىگەن قىز نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ ئۇ دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۈستىدىكى قېرىنىنى ئېلىپ تاشلىۋەتتى، ئاندىن بۇ بىر توپ قۇرەيش قارا نىيەتچىسىنىڭ ئالدىدا غەزەپ بىلەن تۇرۇپ، ئۇلارغا غەزەپلىك تىل ـ ئاھانەتنى ياغدۇرۇۋەتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ سۆزقىلالمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ نامىزىنى ئاياغلاشتۇردى، ئاندىن:

-ئى رەببىم، قۇرەيشنى ھالاك قىلغىن! - دەپ ئۈچ قېتىم دۇئا قىلدى. ئاندىن يەنە:

-ئى ئاللاھ، ئۇتبەنى، ئوقبەنى، ئەبۇ جەھل ۋە شەيبەنى ھالاك قىلغىن! - دەپ بەددۇئا قىلدى. (تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىر قانچە يىلدىن كېيىن بەدر غازىتىدا ئۆلتۈرۈلدى).

يەنە بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلدى. فاتىمە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. قۇرەيشتىن بىر توپ ئادەم ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ كىيىملىرى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولۇپ، بوينىغا چىڭ ئورىۋالدى. فاتىمە باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپ توۋلاشقا ۋە چىقىراشقا باشلىدى. ئەبۇ بەكرى ئېتىلىپ كېلىپ، دەرھال رەسۇلۇللاھنى ئاجرىتىۋالدى، ئاندىن:

  • «رەببىم ئاللاھ » دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ - دېدى، ئۇلار ئەبۇ بەكرىگە تاشلىنىپ، تاكى ئۇنىڭ يۈز ـ كۆزلىرىدىن قانلار سىرغىپ چۈشكىچە ئۇرۇشتى.

كىچىك فاتىمە دادىسىغا ۋە دەسلەپكى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان بۇ رەھىمسىز، قەبىھ قارشىلىقلار ۋە دۈشمەنلىكلەرنى كۆرۈپ تۇردى. ئۇ ياۋاشلىق بىلەن بىر چەتكە چىقىپ تۇرمىدى، بەلكى دادىسى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى. ئۇ گەرچە كىچىك بىر قىز بولسىمۇ، ئەمما شۇ ياشتىكى بالىلاردا نورمال بولىدىغان غەمسىز، شوخ، بالىلارچە ئويۇن- كۈلكە ۋە تاماشىلاردىن خالىي ھالدا، ئەنە شۇنداق ئازابلىق كەچۈرمىشلەرنى كۆردى ۋە باشتىن كەچۈردى.

ئەلۋەتتە بۇنداق ئىشلاردا فاتىمە يالغۇز ئەمەس ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى قۇرەيشنىڭ ۋەھشىي زوراۋانلىقلىرىغا، مەسخىرىلىرىگە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئىككى ھەدىسى رۇقىييە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە سۇيىقەستنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئوغۇللىرى ئۇتبە ۋە ئۇتەيبە ئىدى.

ئۇممۇ جەمىل رەھىمسىز، ناھايىتى پاسكىنا سۆزلەرنى قىلىدىغان، ئېغىزى بۇزۇق، شەپقەتسىز ئايال بولغاچقا خەدىچە باشتىلا ئۆز قىزلىرىنى ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق قىلىپ بېرىشكە رازى بولمىغان ئىدى. چۈنكى رۇقىييە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇمغا نىسبەتەن، دادىسىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپلا قالماي، بەلكى ئۇرۇش قوزغايدىغان بۇنداق ۋەھشىي دۈشمەنلىككە تولغان ئائىلىدە ياشىشى ھەقىقەتەن بىر ئازابلىق ئىش ئىدى.

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش ئۈچۈن، ئۇتبە ۋە ئۇتەيبە ئۆز ئاتا ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاياللىرىنى قويىۋەتتى. بۇ پەيغەمبەرنى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىششتىن يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بىر ئىش ئىدى. ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە خۇشال- خۇرام قايتىپ كەلگەن قىزلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شۈبھىسىزكى فاتىمە ھەدىلىرى بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، ئۇلار چوڭ ھەدىسى زەينەبنىڭمۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ قايتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىشتى. ئەمەلىيەتتە قۇرەيشمۇ ئەبۇل ئاسقا بېسىم ئىشلىتىپ، ئايالىنى قويىۋېتىشكە زورلىدى، ئەمما ئۇ رەت قىلدى. قۇرەيش چوڭلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئەگەر ئۇ زەينەبنى قويىۋەتسە، ئۇنىڭغا ئەڭ باي ۋە ئەڭ گۈزەل ئايالنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى، ئەمما ئۇ:

  • مەن ئايالىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، گەرچە مەن ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ دادىسىغا نىسبەتەن يۈكسەك ھۆرمىتىم بار، - دەپ جاۋاب بەردى.

رۇقىيە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم ئىككىلىسى سۆيۈملۈك ئاتا- ئانىسى بىلەن بىللە بولغانلىقىغا ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئۆيىدىكى چىدىغۇسىز روھى بېسىملاردىن قۇتۇلغانلىقىغا بەكمۇ خۇشال بولۇشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي رۇقىيە ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن بولغان ياش ۋە تارتىنچاق ئوسمان ئىبنى ئەففانغا ياتلىق بولدى. ئۇلار بىرلىكتە پاناھلىق ئىزدەپ ھىجرەت قىلغان دەسلەپكى مۇھاجىرلار بىلەن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ، ئۇ يەردە ئۇزۇن يىل تۇردى. فاتىمە ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ھەدىسى رۇقىيەنى كۆرەلمىدى. دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە قالغان ساھابىلىرىگە قىلىنغان زىيانكەشلىك تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.

پەيغەمبەرلىكنىڭ 7- يىلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىندى ۋە مەككىگە پەقەت بىر چىغىر يول بىلەنلا بارغىلى بولىدىغان، ھەممە تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغان بىر تار جىلغىدا پاناھلىنىپ تۇرۇشتى. بۇ تار جىلغىدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)، بەنى ھاشىم جەمەتى ۋە مۇتەللىب جەمەتى يېمەك- ئىچمەكتىن چەكلىنىپ، قامال قىلىندى. جەمەتىنىڭ ئەڭ كىچىك ئەزاسى 12 ياشلىق فاتىمەمۇ ئايلار داۋاملاشقان قىيىنچىلىق ۋە ئازابلىق تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈردى. ئاچ قالغان بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرى مەككىگە ئاڭلىنىپ تۇردى. قۇرەيش مۇسۇلمانلارنى يېمەك- ئىچمەكتىن ۋە باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن چەكلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقى پەقەت ھەج مەۋسۇمىدىلا ئاندىن ئازراق يەڭگىللىدى. بۇ قامال ئۈچ يىل داۋاملاشتى. قامال بىكار قىلىنغاندا، رەسۇلۇللاھ تېخىمۇ ئېغىر بولغان سىقىلىشلارغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ سادىق ۋە ئامراق ئايالى خەدىچە ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولدى.

ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى جاپالىق كۈنلەردە ھەمدەمدە بولىدىغان قوغدىغۇچىسى ۋە ھامىيسى، كۈچلۈك ئارقا تېرىكىدىن ئايرىلىپ قالدى. ھۆرمەتلىك خەدىچە ۋە ئەبۇ تالىپ ۋاپات بولغان بۇ يىل «قايغۇلۇق يىل» دەپ ئاتالدى. ھازىر ياش قىز بولۇپ قالغان فاتىمە ئانىسىنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق قايغۇرۇپ ۋە ئېچىنىپ كۆپ يىغلىدى. ئۇ بىر مەزگىل قاتتىق ئىچ ئاغرىقى تارتقاچقا، سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتتى، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىچ ئاغرىقىدىن ئۆلۈپ كېتەرمۇ دېگەن ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.

گەرچە ھەدىسى ئۇممۇ كۇلسۇم شۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، فاتىمە ئانىسىنىڭ ۋاپاتى بىلەن ھەدىسىنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇڭلاشقا دادىسىنى تېخىمۇ قوللىشى زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدى. سەمىمىي مۇھەببەت بىلەن دادىسىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا ئۆزىنى ئاتىدى. ئۇ دادىسىغا شۇنداق كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكەچكە «ئۇممۇ ئەبۇھۇ» (يەنى دادىسىنىڭ ئانىسى) دەپ ئاتالدى. ئۇ دائىم رەسۇلۇللاھ ئازار يېگەن، قىيىنچىلىقتا قالغان، كەمسىتىش ۋە سىقىلىشلارغا ئۇچرىغان چاغلاردا دادىسىغا تەسەللى بېرەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇچرىغان بۇ كەمسىتىش ۋە سىقىلىشلار فاتىمەگە تولىمۇ ئېغىر كېلەتتى. بىر قېتىم بىر مۇشرىك رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك بېشىغا توپا ۋە ئەخلەت چاچتى، ئۆيگە كىرگەن چاغدا، فاتىمە دادىسىنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى، ئاندىن دادىسىنىڭ بېشىدىكى پاسكىنىچىلىقلارنى سۈرتىۋەتتى. «يىغلىما قىزىم،-دېدى ئۇ،-ئاللاھ داداڭنى قوغدايدۇ.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىمەنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، ئۇ بىر قېتىم مۇنداق دېگەن ئىدى:

  • كىمكى فاتىمەنى خۇشال قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنى خۇشال قىلغان بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن بولىدۇ. فاتىمە بولسا - مەن، ئۇ خۇشال بولغان نەرسىدىن مەنمۇ خۇشال بولىمەن، ئۇ بىزار بولغان نەرسىدىن مەنمۇ بىزار بولىمەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن ئىدى:

  • دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى تۆت ئايال: بۈۋى مەريەم، فىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيە، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىچە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە.

فاتىمە شۇنداق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىدىكى خەدىچىگىلا مەنسۇپ بولغان مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا «نۇرلۇق ئايال» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «زەھرا» دەپ نام بېرىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ يۈزى نۇر چېچىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئېيتىلىشىچە ئۇ نامازغا تۇرغاندا، مىھراب ئۇنىڭ چىرايىدىن چىققان نۇردىن چاقناپ كېتەتتى. ئۇ راھەت ـ پاراغەتكە بېرىلمىگەچكە يەنە «بەتۇل» دەپمۇ ئاتالغان ئىدى. ئۇ ۋاقتنى باشقا ئاياللار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا، ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش ۋە باشقا ئىبادەتلەرگە سەرپ قىلاتتى.

فاتىمە ھەر جەھەتتىن دادىسى رەسۇلۇللاھنى تارتقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ئائىشە ئۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە نۇتۇق سۆھبەت ۋە ھەرىكەتلىرىدە رەسۇلۇللاھقا ئوخشايدىغان فاتىمەدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىدىم، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى قارشى ئالاتتى ۋە سۆيۈپ قوياتتى، ئاندىن قولىدىن تۇتۇپ، ئۆزى ئولتۇرغان ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى.» فاتىمەمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالاتتى ۋە سۆيۈپ قوياتتى.

فاتىمەنىڭ ياخشى مىجەزى ۋە ئەدەپلىك نۇتۇقلىرى، ئۇنىڭ كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغايدىغان گۈزەل تەبىئىتىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇ پېقىر ۋە مىسكىنلەرگە تولىمۇ مېھىر- شەپقەتلىك بولۇپ، گەرچە ئۆزى ئاچ قالسىمۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ھاجەتمەنلەرگە بېرىۋىتەتتى. ئۇ دۇنيانىڭ زىبۇ ـ زىننەتلىرىگە ۋە دۇنيانىڭ راھەت ـ پاراغىتىگە قىلچىمۇ قىزىقمايتتى. گەرچە تۇرمۇشى قانچە قىيىنچىلىقتا ۋە جاپادا ئۆتسۇن، دائىم ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇ دادىسىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە نۇتۇق قابىلىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ئىدى. سۆز قىلسا باشقىلار يىغىدىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالاتتى. ئۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغاپ يىغلىتىۋېتەلەيدىغان قابىلىيەت بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرگەن ھېسابسىز رىزىقلىرىغا تەشەككۈر، رەھمەت ۋە ھەمدۇ ـ سانا ئېيتىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلاتتى.

فاتىمە رەسۇلۇللاھتىن بىر نەچچە ھەپتە كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى. ئۇ مەدىنىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە قېپقالغان ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن زەيد ئىبنى ھارىسە بىلەن بىللە بارغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئائىلىسىدىن قېپقالغانلار - فاتىمە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى سەۋدە، زەيدنىڭ ئايالى بەرەقە ۋە ئوغلى ئۇسامەلەر ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئەبۇ بەكرىنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئانىسى ۋە ئىككى ھەدىسى - ئائىشە ۋە ئەسماغا ھەمراھ بولۇپ ماڭدى.

مەدىنىدە فاتىمە دادىسى بىلەن بىللە، مەسجىدكە يانداش سېلىنغان ئاددىي ھۇجرىدا تۇردى. ھىجرەتنىڭ 2 ـ يىلى، ئۇ دادىسى ئارقىلىق قويۇلغان ئىككى توي تەكلىپىنى رەت قىلىۋەتتى. ئاندىن ئەبۇ تالىپنىڭ ئوغلى ئەلى غەيرەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا فاتىمە بىلەن توي قىلىشنى سوراش ئۈچۈن كەلدى. ئەمما رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشكەندە بەك ئىزا تارتىپ كەتكەنلىكتىن، ئېغىزىغا گەپمۇ كەلمەي قالدى. ئۇ يەرگە قاراپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سورىدى:

  • نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟ بىرەر نەرسىگە ھاجىتىڭ چۈشۈپ قالدىمۇ؟

ئەلى يەنىلا ئۈندىمىدى، رەسۇلۇللاھ:

  • ئېھتىمال سەن فاتىمەگە توي تەكلىپى قويغىلى كەپسەن، - دېدى.

  • ھەئە، - دېدى ئەلى. شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئاددىيلا:

  • ئائىلىمىزگە كىرىشىڭنى قارشى ئالىمىز، - دېدى. بۇ سۆزنى ئەلى ۋە ئىشىك سىرتىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ماقۇللۇقىنى كۈتۈۋاتقان بىر نەچچە ئەنسارىلار ئاڭلىدى. ئارقىدىن رەسۇلۇللاھ ئەلىدىن مەھرى ئۈچۈن بەرگىدەك بىر نەرسىسىنىڭ بار- يوقلۇقىنى سورىدى. ئەلى «يوق» دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ ئەلىگە پۇلغا يارايدىغان بىر قالقىنى بارلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئەلى قالقاننى ئوسمانغا 400 دىرھەمگە ساتتى. پۇلنى فاتىمەنىڭ مەھرى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىشكە ئالدىراپ، قايتماقچى بولىۋېدى، ئوسمان ئۇنى توختىتىپ:

  • فاتىمە بىلەن قىلىدىغان تويۇڭنىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە بۇ قالقاننى ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي،- دېدى.

شۇنداق قىلىپ، ھىجرەتنىڭ 2- يىلىنىڭ باشلىرىدا فاتىمە بىلەن ئەلىنىڭ تويى بولدى. بۇ چاغدا فاتىمە 19 ياشلاردا بولۇپ، ئەلى 21 ياشتا ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۆزى نىكاھ خۇتبىسىنى ئوقۇدى. تويدا مېھمانلارغا خورما، ئەنجۈر ۋە تالقان (خورما ۋە سېرىق ماينى ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان يېمەكلىك) لەر بىلەن داستىخان تارتىلدى. ئەنسارىلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى بىر قوچقار سوۋغا قىلدى، باشقىلار بۇغداي بېرىشتى، پۈتۈن مەدىنە شادلىققا چۆمدى.

فاتىمەنىڭ تويى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ فاتىمە ۋە ئەلىگە خورمىنىڭ يوپۇرماقلىرى يېيىتىلغان ياغاچ كارىۋات، مامۇق يوتقان ۋە خورمىنىڭ چىۋىقلىرى توشقۇزۇلغان خۇرۇم كۆرپە، بىر قوي تېرىسى، بىر چەينەك، بىر تۇلۇم سوۋغا قىلدى.

فاتىمە يولدىشى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، تۇنجى قېتىم سۆيۈملۈك دادىسىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرەقەنى فاتىمەگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتتى. شۈبھىسىزكى بەرەقە فاتىمە ئۈچۈن چوڭ بىر تەسەللى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ:

  • ئى رەببىم، فاتىمە ۋە ئەلىگە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرىكەت بەرگىن،- دېدى.

ئەلىنىڭ غۇربەت كەپىسىدە كارىۋاتقا سالىدىغان نەرسىدىن پەقەت بىر قوي تېرىسىلا بار ئىدى. توي قىلغاننىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىكنى چەكتى. بەرەقە ئىشىكنى ئاچتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:

  • ئى ئۇممۇ ئەيمەن، قېرىندىشىمنى چاقىرغىن، - دېدى.

  • سېنىڭ قېرىندىشىڭنى؟ قىزىڭغا ئۆيلەنگەن ئادەمنىمۇ؟ - سورىدى بەرەقە سەل ئىككىلىنىش بىلەن. ئۇ كۆڭلىدە: «رەسۇلۇللاھ نېمە ئۈچۈن ئەلىنى قېرىندىشىم دەپ چاقىرىدۇ؟» دەپ گاڭگىراپ قالغان ئىدى. (رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلىنى قېرىندىشىم دەپ ئاتىشىدىكى سەۋەب، ھىجرەتتىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئىككىدىن جۈپ ـ جۈپ قېرىنداش بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەلى ئۆز- ئارا قېرىنداش بولغان ئىدى) رەسۇلۇللاھ سۆزىنى يۇقىرىراق ئاۋازدا يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى، ئەلى چىقىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى، ئاندىن فاتىمەنى سورىدى. فاتىمە ناھايىتى ھودۇققان ۋە ئىزا تارتقان ھالەتتە چىقىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:

  • مەن سېنى ئائىلەمدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمىمگە ياتلىق قىلدىم، - دېدى. رەسۇلۇللاھ شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى بولغان ئىدى. فاتىمە ئەمەلىيەتتىمۇ پۈتۈنلەي ناتونۇش ئادەم بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر ئائىلىدە تەڭ ئۆسكەن، بالا ۋاقتىدىلا مۇسۇلمان بولغان، ئۆزىنىڭ باتۇر، قورقماسلىقى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن تونۇلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى «ئىككى دۇنيالىق قېرىندىشىم» دەپ ئاتىغان بىر كىشى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خۇددى دادىسىنىڭ ئۆيىدىكىدەكلا ئاددىي ۋە غورىگىل ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ماددىي بايلىقلارغا ۋە راھەت- پاراغەتكە بېرىلمىگەن تۇرمۇش ئىدى. ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەلى ئاشۇنداق نامرات ھالەتتە ياشىدى، چۈنكى ئۇ ھېچقانداق ماددىي بايلىق يىغمىغان ئىدى. فاتىمە بولسا ئۆزىنىڭ ھەمشىرىلىرى ئىچىدە قول ئىلكىدە بار ئادەمگە ئۆيلەنمىگەن يالغۇز ئايال ئىدى.

ئەمەلىيەتتە فاتىمە ۋە ئەلىنىڭ تۇرمۇشى، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىدىكى تۇرمۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتتى. ئۇنىڭ تويىدىن ئىلگىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ھېچ بولمىغاندىمۇ ئىشلارغا ياردەملىشىدىغان بىر نەچچە ئادەم بار ئىدى. ئەمما ھازىر ھەممە ئىشنى ئۆزى يالغۇز قىلاتتى. بۇنداق ئېغىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەلى سۇ تۇشۇغۇچى، فاتىمە قوناق سوققۇچى بولۇپ ئىشلىدى. بىر كۈنى ئۇ ئەلىگە:

  • بۈگۈن قولۇم قاپىرىپ، تېشىلىپ كەتكۈچە قوناق سوقتۇم، - دېدى.

  • مەن مەيدەم ئاغرىپ كەتكۈچە سۇ توشۇدۇم، - دېدى ئەلى فاتىمەگە ۋە ئۇنىڭغا تەكلىپ بېرىپ، - ئاللاھ داداڭغا ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى بەردى، بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر قۇل سوراپ كەلگىن، - دېدى. ئۇ خالىمىغان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:

  • نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ، قىزىم؟ - دېدى.

  • ساڭا سالام بەرگىلى كەلدىم، - دېدى ئۇ، نومۇس قىلىپ ئۆزىنىڭ نېمىشقا كەلگەنلىكىنىمۇ دادىسىغا دېيەلمىدى.

  • قانداق بولدى؟ - سورىدى ئەلى ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن.

  • سوراشتىن ئويلىپ قالدىم، - دېدى فاتىمە. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بىرلىكتە بېرىشتى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ھاجەتمەنلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى ۋە:

  • سىلەرگە بەرمەيمەن، ئەھلى سۇففە (مەسجىددە تۇرىدىغان كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) ئاچلىق ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، ئۇلارغا بېرىشكىمۇ يېتەرلىك نەرسە تاپالمايۋاتىمەن، - دېدى. ئەلى ۋە فاتىمە سەل روھى چۈشكەن ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئەمما شۇ كۈنى ئۇلار يېتىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرىشكە ئىجازەت سورىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۇنى قارشى ئېلىپ ئىككىيلەن ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا:

  • قوزغالماڭلار، - دېدى ۋە يېنىدا ئولتۇرۇپ:

  • سىلەر مەندىن سورىغان نەرسىدىن ياخشىراق بولغان بىر ئىشنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار:

  • بولىدۇ، - دېۋېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا:

  • جىبرىئىل ماڭا مۇنداق ئۆگەتتى: ھەر نامازدىن كېيىن «سۇبھاناللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر» نى ھەر بىرىنى 10 قېتىمدىن دەڭلار، ياتىدىغان چاغدا، ھەر بىرىنى 33 قېتىمدىن دەڭلار، - دېدى. ئەلى كېيىنكى يىللاردا مۇنداق دېگەن ئىدى:

  • رەسۇلۇللاھ بىزگە شۇنى ئۆگەتكەندىن تارتىپ، بىر قېتىممۇ تەرك ئەتمىدىم.

فاتىمەنىڭ جاپالىق ۋە قىيىنچىلىق تۇرمۇشى توغرىلىق نۇرغۇنلىغان خاتىرىلەر بار. دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىدە يېگىلى بىر نەرسە قالمايتتى. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كېتىپ، ھەممە ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە باردى، ئەمما ئۇلاردا يېگۈدەك نەرسە يوق ئىدى، ئاندىن ئۇ فاتىمەنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇنىڭ ئۆيىدىمۇ يېگۈدەك ھېچنېمە يوق ئىدى. ئۇ باشقا يەردىن ئازراق يېمەكلىك تاپتى، ئۇنىڭدىن ئىككى نان ۋە ئازراق گۆشنى فاتىمەگە ئەۋەتتى. يەنە بىر قېتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالدىغا قويۇلغان تاماقتىن فاتىمە ئۈچۈن ئازراق ئېلىۋالدى. فاتىمەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈنلەپ تاماقسىز قالىدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنەتتى ۋە يەيدىغان بىر نەرسە تاپالىسىلا ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرەتتى. بىر قېتىم، ئۇ دادىسىغا بىر پارچە ئارپا نېنىنى ئاپىرىپ بەرگەندە، دادىسى ئۇنىڭغا:

  • بۇ داداڭنىڭ ئۈچ كۈندىن بېرى يېگەن تۇنجى تامىقى، - دېگەنىدى.

فاتىمە يۇقىرىقىدەك مېھرىبانلىقلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دادىسىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرەتتى. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ سىرتىغا قىلغان بىر سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپلا، ئالدى بىلەن ئىلگىرىكىدەكلا مەسجىدكە بېرىپ، ئادىتى بويىچە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى، ئاندىن ئىلگىرىكىدەكلا ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە بارماستىن بۇرۇن، فاتىمەنىڭ ئۆيىگە باردى. فاتىمە ئۇنى قارشى ئېلىپ، ئېغىزىغا ۋە يۈز ـ كۆزلىرىگە سۆيۈپ يىغلاپ كەتتى.

  • نېمىشقا يىغلايسەن؟ - سورىدى رەسۇلۇللاھ.

  • ئى رەسۇلۇللاھ، چىرايىڭ تاتىرىپ كېسەل چىراي بولۇپ قاپسەن، كىيىملىرىڭ كونىراپ، يىرتىلىپ كېتىپتۇ، - دېدى فاتىمە.

  • ئى فاتىمە، - دېدى رەسۇلۇللاھ سەمىمىيلىك بىلەن، - يىغلىمىغىن، ئاللاھ داداڭنى يەريۈزىدىكى ھەر بىر ئائىلىگە، مەيلى ئۇ يېزىلاردا، جىلغىلاردا ياكى چۆل ـ جەزىرىلەردە بولسۇن تەسىرىنى كۆرسىتىدىغان، شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنى شەرەپكە ئېرىشتۈرىدىغان پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى بىلەن ئەۋەتكەن.

بۇ گەپلەر بىلەن فاتىمە سۆيۈملۈك دادىسىغا تاپشۇرۇلغان بۇ ناھايىتى مۈشكۈل ۋە ئاخىرى چىقمايدىغاندەك تۇيۇلىدىغان پەيغەمبەرلىكنىڭ غەلبىسىنى كۆرگەندەك بولۇپ، رەھىمسىز رېئاللىققا ئۈن ـ تىنسىز بەرداشلىق بېرەتتى.

فاتىمە ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر ئۆيگە كۆچۈپ كەلدى. بۇ ئۆينى ئەنسارىلاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزى بىلەن قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇشتىن خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلىپ ھەدىيە قىلغان ئىدى. ئۇلار بىرلىكتە خۇشاللىقتىن، غەلىبىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. قايغۇ ـ ھەسرەت ۋە ئېغىرچىلىقلارنى تەڭ كۆتۈردى. مەدىنىدىكى ناھايىتى جىددىيچىلىككە تولغان كۈنلەر ۋە يىللارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

ھىجرەتنىڭ 2- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ھەدىسى رۇقىيە قىزىتما بولۇپ قالدى ۋە قىزىل چىقىپ قېلىپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى. بۇ مەشھۇر بەدر غازىتىدىن سەل بورۇنقى ئىش ئىدى. ئۇنىڭ يولدىشى ئوسمان ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، غازاتقىمۇ چىقالمىدى. رۇقىيە دادىسى غازاتتىن قايتىپ كېلىشتىن سەل بورۇنلا ۋاپات بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غازاتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشى- ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش بولدى. فاتىمەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ يېقىن ئائىلىسىدىكىلەر ئىچىدە، رۇقىيە خەدىچىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ۋاپات بولغان تۇنجى كىشى بولدى. فاتىمە ھەدىسىدىن ئايرىلغانلىقىغا قاتتىق قايغۇردى. ئۇ قەبرىنىڭ يېنىدا دادىسى بىلەن ئولتۇرغان چاغدا، كۆز ياشلىرى يامغۇردەك قۇيۇلۇپ كەتتى. دادىسى ئۆزىنىڭ رىداسى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى. رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن ئىلگىرىراق ئۆلۈككە يىغلاشنى مەنئى قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ خاتا چۈشىنىپ قېلىندى ھەمدە ئۇلار قەبرىدىن قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئۆمەرنىڭ بەدرىدە شېھىت بولغانلار ۋە رۇقىيە ئۈچۈن يىغلاۋاتقان ئاياللارغا غەزەپ بىلەن توۋلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

  • ئۆمەر، ئۇلارنى يىغلىغىلى قوي! - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، - قەلبتىن ۋە كۆزدىن چىققان نەرسە ئاللاھتىن ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن بولىدۇ، قولدىن ۋە ئېغىزدىن چىققان نەرسە شەيتاندىن بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قولدىن» دېيىش ئارقىلىق مەيدىلىرىگە مۇشلاپ، يۈزلىرىنى تاتىلاپ يىغلاشنى كۆزدە تۇتسا، «ئېغىزدىن» دېيىش ئارقىلىق، ئاياللارنىڭ باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى قىلىۋالغان قۇشاق قوشۇپ، ئۈن سېلىپ يىغلاشنى كۆزدە تۇتقان ئىدى.

ئوسمان كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر قىزى ئۇممۇ كۇلسۇمنى نىكاھىغا ئالدى ۋە زىننۇرەين (يەنى ئىككى نۇرنىڭ ئىگىسى) دەپ ئاتالدى.

رۇقىيەنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئېغىر قايغۇغا چۆمگەن بۇ ئائىلىدە بارلىق مۆمىنلەرگە بىر خۇشاللىق بولۇپ، ھىجىرىيىىنىڭ 3 ـ يىلى رامىزان ئېيىدا فاتىمە يەڭگىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇپ «چىرايلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ھەسەن» دېگەن ئىسىمنى قويدى. بىر يىلدىن كېيىن، فاتىمە ئىككىنچى بالىسىنى يەڭگىدى. ئۇنىڭغا «كىچىك ھەسەن» دېگەن مەنىدە «ھۈسەين» دەپ ئىسىم قويۇلدى. فاتىمە دائىم ئىككى ئوغلىنى ئۇلارنى ھەددىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان چوڭ دادىسىنى كۆرگىلى ئاپىراتتى.

كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى مەسجىدكە ئېلىپ باردى. ئۇلار ئۇ سەجدە قىلغاندا، دۈمبىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئوينايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىچىك نەۋرىسى، زەينەبنىڭ قىزى ئۇمامەنىمۇ ئاشۇنداق ئوينىتاتتى.

ھىجرەتنىڭ 8ـ يىلى، فاتىمە ئۈچىنچى بالىسىنى يەڭگىدى ۋە ئۇنىڭغا قىزى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىراق ئۆلۈپ كەتكەن چوڭ ھەدىسى زەينەبنىڭ ئىسمىنى قويدى.

فاتىمەنىڭ 4- بالىسى ھىجرىيىنىڭ 9- يىلى تۇغۇلدى. بۇ بالىسىمۇ قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالدىنقى يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ھەدىسى ئۇممۇ كۇلسۇمنىڭ ئىسمىنى قويدى. فاتىمە پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى بالىلىق ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، زەينەبنىڭ ئىككى بالىسى ئەلى ۋە ئۇمامەمۇ كىچىك ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. رۇقىيەنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھمۇ تېخى ئىككى ياشقا كىرمەي ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. گەرچە فاتىمە قورساق كۆتۈرۈش، بالا تۇغۇش ۋە بالىلىرىنى تەربىيىلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار جامائەسىنى كۈپەيتىش ئىشلىرىدا يەنىلا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇ توي قىلىشتىن ئىلگىرى، نامرات ۋە يوقسۇل ئەھلى سۇففەنى دائىم يوقلاپ، ئۇلارنى مېھمان قىلىپ تۇراتتى. ئوھۇد غازىتى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، ئۇ باشقا ئاياللار بىلەن بىللە ئۇرۇش مەيدانىغا بېرىپ، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن يىغلىدى ۋە دادىسىنىڭ جاراھەتلىرىنى دورىلاپ تېڭىپ قويدى.

خەندەك غازىتىدا، ئۇ باشقا ئاياللار بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇنغا سۇزۇلغان جاپالىق مۇھاسىرە جەريانىدا، مۇجاھىدلارغا تاماق تەييارلاپ بەردى. ئۆزىنىڭ چىدىرىدا مۇسۇلمان ئاياللىرىغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى. كېيىن شۇ يەرگە مۇسۇلمانلار مۇھاپىزەت قىلىدىغان ۋە ئىخلاس قىلىدىغان يەتتە مەسجىدنىڭ بىرى «فاتىمە مەسجىدى» دەپ ئاتالغان مەسجىد بىنا قىلىندى.

فاتىمە ھىجرىيىنىڭ 6ـ يىلى ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرە قىلغاندىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. ئىككىنچى يىلى، ئۇ ۋە ھەدىسى ئۇممۇ كۇلسۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە كۈچلۈك مۇسۇلمانلار جامائەسى بىلەن بىرلىكتە مەككىنى فەتىھ قىلىشقا قاتناشتى. ئېيتىلىشىچە بۇ چاغدا فاتىمە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم ئىككىلىسى ئانىسى خەدىچىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشلەرنى ئەسلىگەن ئىكەن.

ھىجرىيىنىڭ 10- يىلى رامىزان ئېيىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىگە بېرىشتىن سەل بۇرۇنراق، فاتىمەگە تېخى ھېچكىمگە ئېيتىپ بەرمىگەن بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بەردى: «جىبرىئىل ماڭا قۇرئاننى يىلدا بىر قېتىم تىلاۋەت قىلىپ بېرەتتى ھەم مەنمۇ شۇنداق قىلاتتم. ئەمما بۇ يىل ئۇ ماڭا ئىككى قېتىم تىلاۋەت قىلىپ بەردى. مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاياغلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.» ۋىدالىشىش ھەجىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن قاتتىق ئاغرىپ قالدى. ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئايالى ئائىشەنىڭ ھوجرىسىدا ئۆتتى. فاتىمە ئۇنى يوقلاپ كەلسە، ئائىشە دادا- بالا ئىككىيلەننى يالغۇز قالدۇرۇپ چىقىپ كېتەتتى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىمەنى چاقىرتتى. ئۇ كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ، ئاندىن قۇلىقىغا پىچىرلىدى، ئۇ يىغلاپ كەتتى. ئاندىن يەنە قۇلىقىغا پىچىرلىغان ئىدى، ئۇ كۈلدى. ئائىشە بۇنى كۆرۈپ سورىدى:

  • ئى فاتىمە‍‍‍‌‌!

نېمە ئۈچۈن بىر دەم يىغلاپ، بىر دەم كۈلىسەن؟ رەسۇلۇللاھ ساڭا نېمە دېدى؟

  • ئۇ باشتا ئۆزىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي پەرۋەردىگارى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، شۇڭا يىغلىدىم، ئاندىن ئۇ ماڭا: يىغلىمىغىن، سەن ئائىلەمدىكىلەر ئىچىدە ماڭا قوشۇلىدىغانلارنىڭ تۇنجىسى بولىسەن دېگەن ئىدى، شۇڭا كۈلدۈم، - دېدى.

ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، فاتىمە ناھايىتى قايغۇرۇپ كەتتى. ساھابىلەر دائىم ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى. ساھابىلەرنىڭ بىرسى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، فاتىمەنىڭ كۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

سۆيۈملۈك دادىسى ۋاپات بولۇپ بەش ئايدىن كېيىن رامىزان ئېيىنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى، فاتىمە ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىق ۋە شاتلىققا تولغان ھالەتتە ئويغاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان سەلەمە بىنت ئۇمەيسنى چاقىرىپ، ئازراق سۇ سوراپ غۇسۇلى قىلدى، ئاندىن يېڭى كىيىملىرىنى كەيدى ۋە خۇشپۇراق ئىشلەتتى، ئاندىن سەلەمەدىن ئۆزىنىڭ كارىۋىتىنى قورۇغا ئەپچىقىپ قويۇشنى ئۆتۈندى. يۈزى ئاسمانغا قارىغان ھالەتتە يولدىشى ئەلىنى سورىدى. ئەلى كېلىپ، فاتىمەنىڭ قورۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:

  • مەن بۈگۈن رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشىمەن، - دېدى. ئەلى يىغلاپ كەتتى. فاتىمە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ، بالىلىرى ھەسەن ۋە ھۈسەيننىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنى، ئۆزىنى ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزمەيلا دەپنە قىلىۋېتىشنى ئېيتتى. ئۇ يۇقىرىغا تىكىلىپ قارىۋېتىپ ئاندىن كۆزىنى يۇمدى، ئۆزىنىڭ روھىنى بۈيۈك ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىغا تاپشۇرۇپ بەردى. «نۇرلۇق ئايال» فاتىمە بۇ چاغدا ئارانلا 29 ياشتا ئىدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر

بۆلۈم: “ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر”

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى ئون مىڭ كىشىلىك كۈچلۈك مۇسۇلمانلار قوشۇنى مەدىنە بىلەن ئوھۇد ئارىلىقىدىكى شەيكان دېگەن جايدا توختىدى. كۈن پاتايلا دەپ قالغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ «سەكب» دەپ ئاتىلىدىغان ئېتىدىن چۈشتى. ئۇ ئۇرۇشقا تولۇق قوراللانغان بولۇپ، دۇبۇلغىسىنىڭ ئۈستىگە سەللە ئورىۋالغان، ساۋۇتىنىڭ يان تەرىپىگە قىلىچ، دۈمبىسىگە بىر قىلىچ ئېسىۋالغان ئىدى.

كۈن پېتىشى بىلەنلا، بىلال ئەزان توۋلىدى، ناماز ئوقۇلدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوشۇنلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈردى. مۇھاجىرلارنىڭ ئارىسىدا يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي جىھادقا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىپ تۇرغان سەككىز بالىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زەيدنىڭ ئوغلى ئۇسامە ۋە ئۇمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ بالىلارغا دەرھال ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇق بەردى. ئەمما بۇ ئىككى بالا ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا بالىلارنى قايتۇرىۋېتىپ، بۇ ئىككىسىگە قوشۇنغا ئەگىشىپ ئوھۇد غازىتىغا بېرىشقا رۇخسەت بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۈشكۈل ئەمما بۈيۈك ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئاتىدى.

ئۇ تېخى ئون ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئىسلامنى قوبۇل قىلغان، دادىسى ۋە كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولغان ھەدىسى ھەفسە بىلەن ھىجرەت قىلغان ئىدى. ئوھۇد غازىتىدىن بۇرۇن، ئۇ ئوخشاشلا بەدىر غازىتىغا قاتنىشىش رۇخسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. خەندەك غازىتى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 15 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئۇسامەگە، ئابدۇللاھقا ۋە ئوخشاش ياشتىكى باشقا بالىلارغا مۇھاجىرلارغا قوشۇلۇپ، خەندەك كولاش ۋە ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بەردى.

ھىجرەت قىلغاندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغۇچە بولغان 70 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىينىڭ ئاتىغىنى بويىچە «ياخشى ئادىمىمىز ۋە ياخشى ئادىمىمىزنىڭ ئوغلى» دەپ ئاتالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مول بىلىمى، كىچىك پېئىللىقى، سېخىلىقى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، راست سۆزلۈكى، مال - دۇنيادىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى ۋە ئىبادەتتىكى ناھايىتى چىداملىقلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ دادىسى ھەزرىتى ئۆمەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى. ئۆمەر ۋە ئابدۇللاھ ئىككىيلەن ھەممەيلەننىڭ بۈيۈك ئۇستازى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) نىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن نۇرغۇن مەنپەئەتكە ئېرىشكەن ئىدى. ئابدۇللاھ دائىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا قىلغان سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئاندىن كۆرگەنلىرىنى ئىخلاس بىلەن تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرەتتى. مەسىلەن: ئەگەر ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەلۇم بىر جايدا ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسە، كېيىن ئۇ شۇ يەردە ناماز ئوقۇيتتى. ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆرە تۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆرە تۇرۇپ دۇئا قىلاتتى، ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئۇمۇ شۇنداق قىلاتتى.

سەپەرگە چىققاندا، ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەلۇم بىر جايدا تۆگىسىدىن چۈشۈپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرسە، كېيىن ئۇ شۇ يولدىن مېڭىپ قالغان چاغلاردا توختاپ، شۇ يەردە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.

بىر قېتىم، مەككىدىكى مەلۇم بىر جايدا ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىنىڭ ئىككى ئايلانغانلىقىنى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆردى. بەلكىم ئۇ تۆگىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايلاندۇرماي، تۆگە ئۆزىچىلا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يەنە بىر قېتىم شۇ يەرگە كېلىپ قېلىپ، تۆگىسىنى چۆكتۈرمەي تۇرۇپ ئىككى قېتىم تولۇق ئايلاندۇردى، ئاندىن تۆگىسىدىن چۈشۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنى بويىچە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. ئائىشە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئابدۇللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان بۇنداق ئىخلاسىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) قا ئىبنى ئۆمەردەك ئەگەشكەن ئادەم يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەردە تۆگىسىدىن چۈشسە، ئۇمۇ ئوخشاشلا شۇ يەردە تۆگىسىدىن چۈشىدۇ.»

ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىگە ناھايىتى دىققەت قىلسىمۇ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلىشتا بەك ئېھتىيات قىلاتتى، قورقاتتى. پەقەت ھەدىستە دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېسىگە ئالالىغاندىلا ئاندىن ئۇنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. ئۇنىڭ تەڭتۈشلىرىدىن بىرى مۇنداق دېگەن ئىدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئىچىدە ھېچكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلىشتا (ھەدىسكە سۆزلەرنى قوشۇش ۋە ئېلىۋېتىشتە) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردەك ئېھتىيات قىلمايتتى.»

ئوخشاشلا، ئۇ پەتىۋا بېرىشنى خالىمايتتى. پەتىۋا بەرگەن چاغلاردا ناھايىتى ئېھتىيات قىلاتتى. بىر قېتىم بىر ئادەم مەلۇم بىر ئىش توغرىلىق ئۇنىڭدىن پەتىۋا سوراپ كەلدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭغا:

  • سەن سورىغان مەسىلە توغرىلىق بىلىدىغانلىرىم كەمچىل، -دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ئادەم قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئابدۇللاھ خۇشاللىق بىلەن چاۋاك چېلىپ تۇرۇپ، ئۆز- ئۆزىگە: «ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئۇ بىلمەيدىغان مەسىلە توغرىلىق سورالغاندا، ‹بىلمەيمەن› دەپ جاۋاب بېرەلىدى» دېدى. گەرچە ئۆزى قازى بولۇشقا مۇۋاپىق كەلسىمۇ، لېكىن ئۇ يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيىسى بىلەن ئۇنى رەت قىلدى. قازىلىق ۋەزىپىسى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ۋە كاتتا ئەمەللەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، ھۆرمەت، شەرەپ، ھەتتا بايلىق ئېلىپ كېلىدىغان خىزمەت بولسىمۇ، لېكىن خەلىپە ئوسمان ئۇنى قازىلىققا تەيىنلىگەن چاغدا، ئۇنى چىرايلىقچە رەت قىلدى. ئۇنىڭ رەت قىلىشتىكى سەۋەب ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قازىلىق خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىسلامغا ئائىت مەسىلىلەردە خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ سېلىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى. پەتىۋا بېرىۋاتقان ۋە شەرىئەتتىن مەسلىھەت بېرىۋاتقان باشقا نۇرغۇن ساھابىلەرگە تەسىرى بولماسلىق ئۈچۈن، ئوسمان ئۇنى قارارىنى ئاشكارىلىۋەتمەسلىككە ماقۇل كەلتۈردى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر بىر قېتىم «كېچىنىڭ قېرىندىشى» دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى. ئۇ كېچىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، ناماز ئوقۇيتتى، ئاللاھنىڭ مەغفىرىتىنى تىلەپ يىغلايتتى، قۇرئان ئوقۇيتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم ئابدۇللاھنىڭ ھەدىسى ھەفسەگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئابدۇللاھ نېمىدېگەن بەختلىك ئادەم، ئەگەر ئۇ كېچىلىرى ناماز ئوقۇغان بولسا تېخىمۇ بەختلىك بولغان بولاتتى.» شۇنىڭدىن تارتىپ، ئابدۇللاھ مەيلى ئۆيدە بولسۇن ياكى سەپەرگە چىققاندا بولسۇن، كېچىلەرنى ھەرگىزمۇ ئىبادەتسىز ئۆتكۈزىۋەتمەيتتى. كېچىنىڭ جىمجىتلىقىدا ئۇ پەرۋەردىگارىنى تېخىمۇ كۆپ ئەسلەيتتى، ناماز ئوقۇيتتى، قۇرئان ئوقۇيتتى ۋە ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلايتتى. دادىسىغا ئوخشاش، ئۇ قۇرئاننىڭ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەنىسىدىكى ئايەتلىرىنى ئاڭلىسىلا يىغىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالاتتى. ئۇبەيد ئىبنى ئۆمەير مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇپ بەرگەن ئىدىم: (بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭ ئىچىدىكى ئىمانسىزلارغا ۋە گۇناھكارلارغا) گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپ-تۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ. (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يۇشۇرالمايدۇ( (سۈرە نىسا 42 - 41- ئايەتلەر ). ئۇ بۇ ئايەتلەرنى ئاڭلاش بىلەنلا ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتكۈچە يىغلاپ كەتتى.» بىر كۈنى ئۇ بىر نەچچە يېقىن دوستى بىلەن بىللە ئولتۇرغان ئىدى، ئۇ مۇنۇ ئايەتلەرنى ئوقۇدى: ((ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تۇلۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ. ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تېرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟ ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ.( (سۈرە مۇتەففىفىين 1- 6 - ئايەتلەر)، ئاندىن «بارلىق ئىنسانلار پۈتۈن كائىناتنىڭ پادىشاھى ئاللاھنىڭ ئالدىدا تىك تۇرىدىغان كۈنى… » دېگەن يەرنى قايتا- قايتا تەكرارلاپ يىغلاپ كەتتى، كۆپ يىغلىغانلىقتىن ھوشىدىن كېتىپ يېقىلىپ قالدى.

ئابدۇللاھ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، ئىخلاسى، ئاددىي- ساددىلىقى ۋە سېخىلىقى بىلەن ساھابىلەر ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. ئۇ كەڭ قوللۇق بىلەن باشقىلارغا بېرەتتى، گەرچە ئۆزى ھاجەتمەن بولسىمۇ، ئۆزىدە بار نەرسىسىنى ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن ئايىمايتتى. ئۇ ھاياتىدا ئىشەنچلىك سودىگەر بولۇپ، كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭغا بەيتۇلمالدىن نۇرغۇن پۇل تېگەتتى. ئەمما ئۇ ئۇلارنى سېخىلىق بىلەن نامرات ۋە ھاجەتمەنلەرگە بېرىۋىتەتتى. ئەييۇب ئىبنى ۋائىل ئۇنىڭ سېخىلىقىغا ئائىت تۆۋەندىكى ۋەقەنى بايان قىلىدۇ:

«بىر كۈنى ئىبنى ئۆمەر 4000 دىرھەم پۇل ۋە بىر كۆرپە تاپشۇرۇۋالدى، ئىككىنچى كۈنى ئەييۇب ئۇنىڭ بازاردا تۆگىسى ئۈچۈن يەم - خەشەكنى نېسى سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئەييۇب ئابدۇللاھنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئائىلىسىدىكىلەردىن:

  • ئەبۇ ئابدۇرراھمان (ئابدۇللاھنى دېمەكچى) تۈنۈگۈن 4000 دىرھەم پۇل تاپشۇرۇۋالمىدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

  • ھەئە، تاپشۇرۇۋالدى، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.

  • ئەمما مەن ئۇنىڭ بازاردا تۆگىسىگە يەم-خەشەك سېتىۋالغانلىقىنى، بىراق تۆلىگىلى پۇلى يوق تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.

  • تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىۋەتتى.

ئاندىن ئۇ كۆرپىنى مۈرىسىگە ئارتىپ چىقىپ كەتكەن، قايتىپ كەلگەندە كۆرپە يوق تۇرىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن كۆرپىنى سورىساق، ئۇ ئۇنى بىر نامرات ئادەمگە بېرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى، - دەپ چۈشەندۈردى ئۇلار.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر باشقىلارنى نامراتلارنى، ھاجەتمەنلەرنى بېقىشقا ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇراتتى، ئۇ تاماق يېمەكچى بولسىلا، داستىخىنىغا دائىم يېتىملارنى ياكى كەمبەغەل كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ بىللە يەيتتى. بالىلىرى بايلارنى چوڭ كۆرۈپ، نامراتلارنى تۆۋەن كۆرۈپ ئۇلارنى مەنسىتمىسە، ئۇلارغا تەنبىھ بېرەتتى. بىر قېتىم ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى:

  • سىلەر بايلارنى تەكلىپ قىلىپ، كەمبەغەللەرنى ياراتماي تاشلىۋېتىسىلەر.

ئابدۇللاھ مال - دۇنيانىڭ قۇلى ئەمەس، بەلكى خوجايىنى ئىدى. مال- دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدايدىغانلا نەرسە ئىدى، ھەرگىزمۇ بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە مال- دۇنيادىن ۋە دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىدىن، راھەت- پاراغىتىدىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ، ئاددىي - ساددا تۇرمۇش كەچۈردى. بىر قېتىم ئۇنىڭ خۇراسانلىق بىر دوستى ئۇنىڭغا ئېسىل بىر كىيىم ئېلىپ كېلىپ:

  • مەن بۇنى ساڭا خۇراساندىن ئېلىپ كەلدىم، مېنىڭچە سەن بۇنى چوقۇم ياقتۇرىسەن، ئەسكى چاپىنىڭنى سېلىۋېتىپ، بۇ چىرايلىق توننى كېيىۋال، - دېگەندە، ئابدۇللاھ:

  • ئۇنداق بولسا مەن ئۇنى كۆرۈپ باقاي، - دېدى ۋە ئۇنى تۇتۇپ كۆرۈپ:

  • بۇ يىپەكمۇ؟ - دەپ سورىدى.

  • ياق، ئۇ پاختا رەخت، - دېدى دوستى. ئابدۇللاھنىڭ خۇشاللىقى تېزلا غايىپ بولدى، ئاندىن ئۇ ئوڭ قولى بىلەن توننى ئىتتىرىپ:

  • ياق، مەن بۇ كىيىمنى كىيىپ، مەغرۇر بولۇپ قېلىشىمدىن ۋە ئۆزۈمنى چوڭ تۇتۇپ قېلىشىمدىن قورقىمەن، ئاللاھ ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى ۋە مەغرۇرلۇق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ، - دېدى.

مەيمۇن ئىبنى مەرھەم مۇنداق دەيدۇ:

  • مەن ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە كىردىم، ئۇنىڭ ئۆيىدە كارىۋات، كۆرپە، گىلەم ۋە باشقا ھەممە نەرسىلەر بار دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما مېنىڭ كۆرگىنىم 100 دەرھەمگىمۇ ئەرزىمەيدىغان نەرسىلەر بولدى.

بۇ ھەرگىزمۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ نامراتلىقىدىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇ باي ئىدى؛ ھەمدە بۇ ئۇنىڭ بېخىل، پىخسىقلىقىدىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇ كەڭ قول ۋە سېخى ئىدى.

جۇلەيبىب - مېنىڭكى، مەن - جۇلەيبىبنىڭكى.

بۆلۈم: “جۇلەيبىب - مېنىڭكى، مەن - جۇلەيبىبنىڭكى.”
  • ھەدىس شەرىپ

ئۇنىڭ ئىسمى مۇكەممەل بولمىغان بىر ئۆزگىچە ئىسىم ئىدى. «پاكار، ۋىجىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان جۇلەيبىب «جۇلەيب» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بۇ ئىسىم ئۇنىڭ جۇغىنىڭ كىچىكلىكىگە، بويىنىڭ ھەددىدىن زىيادە پاكارلىقىغا قارىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، باشقىلار ئۇنىڭ سەت، كۆرۈمسىز، كىشىنى بىزار قىلىدىغان تۇرقىغا قاراپ، ئۇنى «دەمىم» دەپ ئاتىشاتتى. تېخىمۇ يامان بولغىنى جۇلەيبىب ئۆزىنىڭ نەسىبىنى بىلمەيتتى؛ دادىسىنىڭ، ئانىسىنىڭ كىملىكىنى، ئۆزىنىڭ قايسى قەبىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. بۇ ئۇ ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە نىسبەتەن چوڭ ئاجىزلىق ئىدى. جۇلەيبىب بۇنداق ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە قەبىلە مۇناسىۋىتى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان جەمئىيەتتىن ھېچقانداق ھېسداشلىق، ياردەم، قوغداش ياكى قوللاشنى ئۈمىد قىلالمايتتى. دېمەك، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرەب ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى. يېڭى بىر ئىسلامى جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئەنسارىلارنىڭ بىرى بولدى. ئۇ بەلكىم مەدىنىنىڭ ياقىسىدىكى قەبىلىلەرگە مەنسۇپ بولۇپ كېيىن مەدىنىگە كىرگەن ئىدى، ياكى بولمىسا ئەسلىدىنلا مەدىنىلىك بولغان ئەنسارىلاردىن ئىدى.

يۇقىرىقىدەك ئاجىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن، جۇلەيبىب ھەر قانداق جەمئىيەتتە يېتىم قالدۇرۇلۇشى ۋە مەسخىرە قىلىنىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەسلەم قەبىلىسىدىن ئەبۇ بەرزە دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئادەم ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن چەكلىگەن ئىدى. بىر قېتىم ئۇ ئايالىغا:

  • جۇلەيبىبنى ھەرگىز ئۆيگە كىرگۈزمە، ئەگەر ئۇ ئۆيگە كىرسە، مەن ئۇنى ھەرگىز بوش قويمايمەن، - دېگەن ئىدى. جۇلەيبىب ئەرلەرنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرىسا، دائىم ئاياللار جامائەسىگە بېرىپ پاناھلىناتتى.

جۇلەيبىبنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە دىققىتىگە سازاۋەر بولۇشىدىن ئۈمىد بارمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ھېسسىيات جەھەتتىكى رازىمەنلىكتىن بەھرىمەن بولالىشىدىن ئۈمىد بارمىدۇ؟ ئۇنىڭ باشقىلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىدىن بەھرىمەن بولالىشىدىن ئۈمىد بارمىدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بۇ يېڭى جەمئىيەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈزلۈكسىز دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ھايات- ماماتلىق مەسىلىلىرى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئالدىدا، ئۇ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئاددىي بىر ئادەم بولۇپ قالارمۇ؟

تۇرمۇشتىكى چوڭ مەسىلىلەرنى بىلىپ تۇرغانغا ئوخشاش، ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ نامرات ساھابىلىرىنىڭ ھاجىتىنى ۋە ھېسسىياتىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنەتتى. بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ جۇلەيبىبنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئويلاپ، ئەنسارىلارنىڭ بىرىنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە ئۇنىڭغا:

  • مەن قىزىڭنى سوراپ كەلدىم، - دېدى.

  • نېمە دېگەن كاتتا ئىش، ئى رەسۇلۇللاھ!، ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ، - دېدى بۇ ئەنسارى. ئېنىقكى ئۇ خۇشاللىقتىن يايراپ كەتكەن ئىدى.

  • مەن قىزىڭنى ئۆزۈمگە سوراپ كەلمىدىم، - دېدى رەسۇلۇللاھ.

  • ئۇنداقتا كىمگە؟ ئى رەسۇلۇللاھ! - دېدى بۇ ئادەم سەل ئۈمىدسىزلىنىپ.

  • جۇلەيبىبكە، - دېدى رەسۇلۇللاھ بۇ ئەنسارى رەسۇلۇللاھنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ناھايىتى چۈچۈپ كەتتى ۋە ئارانلا:

  • مەن ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي، - دېيەلىدى، ئاندىن ئايالىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

  • رەسۇلۇللاھ قىزىڭنى سوراپ كەپتۇ، - دېدى. ئايالى ناھايىتى ھاياجانلىنىپ:

  • نېمە دېگەن ياخشى ئىش!

بۇ ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ، - دېدى، ئاندىن ئېرى قوشۇپ قويدى:

  • رەسۇلۇللاھ قىزىڭنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جۇلەيبىب ئۈچۈن سوراپ كەپتۇ.

ئۇنىڭ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.

  • جۇلەيبىبكە؟ ياق، ھەرگىز جۇلەيبىبكە ئەمەس، ھەمىشە تىرىك ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن قىزىمنى ھەرگىزمۇ جۇلەيبىبكە بەرمەيمەن، - دېدى ئۇ دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ. بۇ ئەنسارى ئايالىنىڭ سۆزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن ماڭماقچى بولۇپ تۇرىۋىدى، ئانىسىنىڭ نارازىلىقىنى ئاڭلىغان قىز ئانىسىدىن:

  • مېنى كىم سوراپ كەپتۇ؟ - دەپ سورىدى. ئانىسى ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى جۇلەيبىبكە نىكاھلاپ قويۇش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. قىزى بۇ توي تەلىپىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن قويۇلغانلىقىنى ھەمدە ئانىسىنىڭ بۇنىڭغا پۈتۈنلەي قارشى تۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى ۋە:

  • سىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىڭلارمۇ؟ مېنى جۇلەيبىبكە بېرىڭلار، جەزمەنكى رەسۇلۇللاھ! ماڭا ھەرگىزمۇ يامانلىق قىلمايدۇ.

مانا بۇ مۇسۇلمانلاردىن نېمە تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەنگەن بىر ھەقىقىي بۈيۈك ئىنساننىڭ جاۋابى ئىدى. مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن، رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىپى ۋە بۇيرۇقىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشتىن ياخشىراق ۋە ئۇلۇغراق ئۇ خۇشال بولىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىككىنچى بىر ئىش بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىز ئىسمىنى بىلمەيدىغان بۇ ساھابىسى ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ ئايىتىنى بىلەتتى:

(ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغاندا، ئەر- ئايال مۆمىنلەرنىڭ شۇ ئىشقا نىسبەتەن ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، جەزمەنكى دوزاققا كىرىدۇ.( [سۈرە ئەھزاب 36- ئايەت].

بۇ ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغان، ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك روھىنى تەكىتلەيدىغان زەينەب بىنت جەھش بىلەن زەيد ئىبنى ھارىسەنىڭ تويى توغرىسىدا نازىل بولغان ئىدى. زەينەب ئىلگىرى بىر قۇل بولغان زەيدكە ياتلىق بولۇشتىن ناھايىتى نۇمۇس قىلىپ، ئۇنى رەت قىلغان ئىدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ئىككىسىگە نەسىھەت قىلىپ، ئاندىن توي بولدى. بۇ نىكاھ زەينەبنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشتى ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولغان ئىدى. بۇ ئەنسارى قىز ئاتا- ئانىسىغا يۇقىرىقى ئايەتنى ئوقۇپ بېرىپ، ئاندىن:

  • مەن رەسۇلۇللاھ ماڭا ياخشى دەپ قارىغان ئىشتىن رازى بولىمەن ۋە ئىتائەت قىلىمەن، - دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قىزنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى:

-ئى رەببىم! ئۇنىڭغا دەرگاھىڭدىن كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى جاپا- مۇشەققەتلىك تۇرمۇش قىلمىغىن.

ئېيتىلىشىچە، ئەنسارىلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭدىن ياخشىراق كېلىن بولمىغان ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن جۇلەيبىبكە ياتلىق قىلىندى ھەمدە تاكى جۇلەيبىب شېھىت بولغۇچە ئۇلار بىللە ياشىدى. جۇلەيبىب قانداق شېھىت بولدى؟ ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر غازاتقا چىققان ئىدى. ئۇلار بىر توپ مۇشرىكقا ئۇچراپ قېلىپ قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن سورىدى:

  • سىلەر بىر كىمنى يوقىتىپ قويدۇڭلارمۇ؟

  • ئۇلار شېھىت بولغان تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سوئالنى باشقا ساھابىلەردىن سورىۋېدى، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۇرۇشتا شېھىت بولغان يېقىن دوستلىرىنىڭ ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتى. يەنە بىر توپ ساھابىلەر ھېچقانداق ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئۆلۈپ كەتمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

  • ئەمما مەن جۇلەيبىبنى يوقىتىپ قويدۇم، ئۇرۇش مەيدانىدىن ئۇنى ئىزدەپ بېقىڭلار، - دېدى. ئۇلار ئۇنى يەتتە مۇشرىكنىڭ ئارىسىدا ياتقان ھالىتىدە تاپتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پاكار ۋە كۆرۈمسىز ساھابىسى جۇلەيبىب ياتقان يەرگە كەلدى، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ:

  • ئۇ يەتتە مۇشرىكنى ئۆلتۈرۈپ ئاندىن شېھىت بوپتۇ، جەزمەنكى جۇلەيبىب- مېنىڭكى؛ مەن- جۇلەيبىبنىڭكى، - دېدى ۋە بۇ سۆزىنى ئىككى- ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى، ئاندىن ئۇنى بىلەكلىرى ئارىسىغا ئېلىپ كۆتۈردى. ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھنىڭ بىلەكلىرىدىن ياخشىراق ئىككىنچى بىر كارىۋات بولمىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بىر قەبرە كولاپ، ئۆزى يەرلىكتە قويدى. ئۇ يۇيۇلمىدى، چۈنكى شېھىتلار يۇيۇلمايلا، كىيىملىرى بىلەن دەپنە قىلىناتتى.

جۇلەيبىب ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئادەتتە قىلغان ئەمەللىرى تەرىپلىنىدىغان، قەھرىمانلىق ئىش- پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئىخلاس ۋە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدىغان ساھابىلەرنىڭ ئارىسىدا تىلغا ئېلىنمايتتى. ئۇلار توغرىسىدىكى ماتېرىياللار كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پاكىتلاردىن بىز ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىدىن باشقىلارنى ئارتۇق كۆرىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىر چاغلاردا جۇلەيبىب ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش ئىچىدە قالغان ئىدى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئۈمىد ۋە قەدىر- قىممەت ئېلىپ كەلدى. ناتونۇش ۋە ئىسمى بىلىنمىگەن، جىسمانىي جەھەتتە كەمتۈك بىر ئادەمنىڭ ئايالى بولۇشقا دەرھال رازى بولغان بۇ ئەنسارى قىزنىڭ پەزىلىتى بولسا، ئىسلامنى ھەقىقىي ۋە چوڭقۇر چۈشەنگەن بىر ئېسىل پەزىلەت ئىدى. ئۇ جۇلەيبىبكە ياتلىق بولۇشنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ئاتا- ئانىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيتتى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇ- ھەۋەسلىرىدىنمۇ پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىنى ئەلا بىلدى. ئۇ جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا ۋە قارشىلىقىغا قاراپ قالمىدى. ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە ھەر قاچان ئۆزىنى پايدىلىق ئىشقىلا بۇيرۇيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنچى بار ئىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مومىنلارنىڭ ئىمانى ئىدى.

ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن جەمئىيەت تەرىپىدىن يەكلەنگەن ۋە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان جۇلەيبىب، ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردىمى، ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە تەسەللى بېرىشى ئارقىلىق ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسىتىشكە ۋە ئەڭ ئالىي قۇربان بېرىشكە، يەنى شېھىتلىققا ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماختىشىغا مۇيەسسەر بولالىدى.

ئەبۇ ھۇرەيرە دەۋسىي

بۆلۈم: “ئەبۇ ھۇرەيرە دەۋسىي”

ئەبۇ ھۇرەيرە ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن 1600 دىن ئارتۇقنى يادلىغان كىشىدۇر.

  • تارىخچىلار

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر بىر ساھابە بولغان ئەبۇ ھۇرەيرە ھەققىدە بىلسىڭىز كېرەك؟ ئۆزىنى مۇسۇلمان سانايدىغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىمىغان بولۇشلىرى مۇمكىنمۇ؟

ئىسلام كېلىشتىن ئىلگىرى كىشىلەر ئۇنى «ئابدۇششەمس» دەپ چاقىراتتى. ئاللاھ ئۇنى ئىسلامغا كىرىشىگە مۇيەسسەر قىلىش ئارقىلىق شەرەپلەندۈرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىش شەرىپىگە ئىگە قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن:

  • ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى.

  • ئابدۇشسەمس، - دېدى ئۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

  • بەلكى سەن ئابدۇراھمان… - دېۋېدى، ئۇ ھاياجان بىلەن:

  • ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاتا ـ ئانام ساڭا پىدا بولسۇن! دەل شۇنداق، ئابدۇراھمان،- دېدى.

ئۇنىڭ «ئەبۇ ھۇرەيرە» دەپ ئاتىلىپ قېلىشىدىكى سەۋەب، كىچىك چاغلىرىدا ئۇنىڭ بىر چىشى مۈشۈكى بار بولۇپ، ئۇ دائىم شۇ مۈشۈكنى ئوينىغاچقا، تەڭتۈشلىرى ئۇنى «ئەبۇ ھۇرەيرە» (مۈشۈكنىڭ ئاتىسى) دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەنگەن ئىدى. بۇ لەقەم ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇلدۇرىۋەتكۈدەك دەرىجىدە ئومۇملىشىپ كەتكەن ئىدى.

ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇقلاشقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، كۆپىنچە ھالدا «ئەبۇ ھىررە» (يەنى ئەركەك مۈشۈكنىڭ ئاتىسى) دەپ چاقىرىدىغان بولدى، ئۇ «ئەبۇ ھىررە» دەپ چاقىرىلىشنى «ئەبۇ ھۇرەيرە» دەپ چاقىرىلىشىدىن ئەلا بىلەتتى ۋە:

  • مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى بۇ لەقەم بىلەن چاقىردى، «ھىررە» بولسا ئەركەك مۈشۈك، «ھۇرەيرە» بولسا چىشى ئاسلان ئىدى، - دەيتتى.

ئەبۇ ھۇرەيرە ئەينى چاغدا تۇفەيىل ئىبنى ئەمىر دەۋسىنىڭ دەۋىتى بىلەن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان بولۇپ ھىجرەتنىڭ 6- يىلى ئۆز قوۋمىدىن بولغان بىرمۇنچە كىشىلەر بىلەن مەدىنىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەلچى بولۇپ بارغانغا قەدەر ئۆز قوۋمى ئىچىدە تۇرغان ئىدى.

دەۋسلىك بۇ يىگىت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ سۆھبىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىدى. مەسجىدنى تۇرار جاي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇستاز ۋە يېتەكچىسى قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالا-چاقىلىرى يوق بولۇپ پەقەت مۇشرىك ھالىتىدە قېلىۋەرگەن قېرى ئانىسى بار ئىدى. ئۇ ئانىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ ۋە ياخشىلىق قىلىپ ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشنى توختاتمايتتى، لېكىن ئانىسى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قارشىلىق قىلاتتى.

ئانىسى تەرسالىق قىلىۋەرسە ئۇنىڭغا ئېچىنغان ھالدا ئۇنى بىر مەزگىل ئۆز ھالىغا قويۇپ قوياتتى، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يەنە ئانىسىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى، ئانىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا، ئۇنى ناھايىتى بەك خاپا قىلىدىغان سۆزدىن بىرنى قىلدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا يىغلىغان پېتى كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن:

  • ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! نېمىشقا يىغلىدىڭ؟- دەپ سورىدى.

  • مەن ئانامنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشتا ھېچ بوشاپ قالمىغانىدىم، ئۇ تاكى ھازىرغىچە ئۇنىماي كېلىۋاتاتتى، بۈگۈنمۇ يەنە ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلسام، ئۇ سەن توغرىسىدا ياخشى بولمىغان بىر سۆزنى قىلدى، سەن ئاللاھقا ئانامنىڭ دىلىنى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىۋىتىشكە دۇئا قىلساڭ،- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلدى.

ئەبۇ ھۇرەيرە بۇ ئىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

بۆلۈم: “ئەبۇ ھۇرەيرە بۇ ئىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:”
  • مەن ئۆيگە قايتتىم، بارسام ئىشىك ئىچىدىن تاقاقلىق ئىكەن، مەن ئۆي ئىچىدە سۇنىڭ شالاقشىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، مەن ئۆيگە كىرمەكچى بولغىنىمدا ئانام: «ئەبۇ ھۇرەيرە! كىرمەي تۇرغىن!» دېدى. ئۇ كىيىملىرىنى كىيىپ بولۇپ: «كىرگىن» دېدى. مەن كىردىم، ئۇ “بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى!” دەپ گۇۋاھلىق بەردى. مەن شۇ ھامان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا چاپتىم، بىر ئاز بۇرۇن مەن ھەسرەتلىنىپ يىغلىغان بولسام ئەمدىلىكتە خۇشاللىقتىن يىغلاۋاتاتىم، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! خۇش خەۋەر! ئاللاھ دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىپ، ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ ئانىسىنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلدى، - دېدىم.

ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭغا قاراپ تويمايتتى ۋە: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ نۇرلۇق ۋە گۈزەل نەرسىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ئۇنىڭ چىرايىدا خۇددى قۇياش ماڭغاندەك قىلاتتى…» دەيتتى.

ئۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمسۆھبەت قىلغان، ئىسلامغا ھىدايەت قىلىش بىلەن ياخشىلىق قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىپ: «ئەبۇ ھۇرەيرىنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇلار بولسۇن! ئەبۇ ھۇرەيرىگە قۇرئاننى ئۆگەتكەن ئاللاھقا مەدھىيىلەر بولسۇن! ئەبۇ ھۇرەيرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۆھبەتداش قىلىش بىلەن ياخشىلىق ئاتا قىلغان ئاللاھقا مەدھىيىلەر بولسۇن!» دەيتتى.

ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنى قانداق بېغىشلىغان بولسا بىلىم ئېلىشقىمۇ شۇنداق بېغىشلىغان ئىدى. ئۇ ئىلىم ئىگىلەشنى ئەڭ يۇقىرى نىشانى ۋە ئادىتى قىلغان ئىدى، بۇ ھەقتە زەيدىن ئىبنى سابىت مۇنداق دەيدۇ:

«بىر كۈنى مەن، ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە باشقا بىر كىشى، ئۈچىمىز مەسجىدتە ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىپ ئاللاھنى ئەسلەۋاتاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ بىزنىڭ ئارىمىزدا ئولتۇردى، بىز جىم بولۇپ قالدۇق. ئۇ بىزگە: ‹ئىشىڭلارنى داۋام قىلىۋىرىڭلار› دېدى. ھەمراھلىرىم بىلەن بىرگە دۇئا قىلدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ‹ئامىن!› دېيىشىپ بەردى، ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە دۇئا قىلىشقا باشلىدى، ئۇ: ‹ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭدىن ئىككى بۇرادىرىم سورىغان نەرسىنى، ھەمدە ئۇنتۇلمايدىغان ئىلىم ـ مەرىپەتنى سورايمەن!› دەپ دۇئا قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹ئامىن!› دېيىشىپ بەردى. بىز قايتىدىن: ‹بىزمۇ ئۇنتۇلمايدىغان بىلىم سورايمىز!› دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹دەۋس قەبىلىسىدىن كەلگەن بۇ بالا سىلەردىن بۇرۇن تىلەپ بولدى› دېدى».

ئەبۇ ھۇرەيرە ئىلىمنى ئۆزى ياخشى كۆرگەندەك، باشقىلارنىڭ ئىلىم ئېلىشىنىمۇ ياخشى كۆرەتتى، بىر كۈنى ئۇ مەدىنە بازىرىدا كېتىۋېتىپ كىشىلەرنىڭ مال- دۇنياغا، سودا- سېتىققا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى ۋە بۇنىڭغا ھەيران قالدى، ئۇ ئۇلارغا:

  • ئى مەدىنە كىشىلىرى! سىلەر نېمىدېگەن ئاجىز؟!- دېدى. ئۇلار:

  • ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! سەن بىزنى قايسى تەرەپتىن ئاجىز دەيسەن؟

  • مەسجىدتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىراسى تارقىتىلىۋاتسا سىلەر بۇ يەردە تۇرىسىلەرغۇ؟ بېرىپ نېسىۋەڭلارنى ئېلىۋالمامسىلەر؟- دېدى.

  • قەيەردە؟

  • مەسجىدتە.

ئۇلار ئالدىرىشىپ كېتىشتى، ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى، ئۇلار بىردەمدىن كېيىن قايتىپ كېلىشىپ:

  • ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! بىز مەسجىتكە كىردۇق، تەقسىم قىلىۋاتقان ھىچنېمىنى كۆرمىدۇق، - دېدى.

  • مەسجىدتە بىرەرمۇ ئادەمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟

  • كۆردۇق، ناماز ئوقۇۋاتقان، قۇرئان ئوقۇۋاتقان، ھالال- ھارام توغرىسىدا پىكىرلىشىۋاتقان كىشىلەر بار ئىكەن.

  • ۋاي ئىسىت سىلەرگە! ئەنە شۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالغان مىراسلار ئەمەسمىدى؟!

ئۇ ئىلىم ئۆگىنىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سورۇنلىرىغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەچكە ھېچكىم تارتمىغان ئاچارچىلىقلارنى تارتقان ئىدى. ئۇ ئۆزى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

مېنىڭ قورسىقىم قاتتىق ئېچىپ كەتكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرەرسىدىن قۇرئان ئايەتلىرىنى سورايتتىم، ئەمەلىيەتتە سورىغان ئۇ ئايەتنى مەنمۇ بىلەتتىم، مەقسىتىم ئۇلارنىڭ مېنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ تاماق بېرىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتىم.

«بىر كۈنى مېنىڭ قورسىقىم ئىنتايىن بەك ئېچىپ كەتتى، ھەتتا مەن قۇرسۇقۇمغا تاش تېڭىپ ساھابىلەر ماڭىدىغان يول ئۈستىدە ئولتۇردۇم، مېنىڭ قېشىمدىن ئەبۇ بەكرى ئۆتتى، مەن ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ئايەت سورىدىم، مەن ئۇنى مېنى ئۆيىگە چاقىرسىكەن، دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ مېنى چاقىرمىدى ئارقىدىن ئۆمەر كەلدى، ئۇنىڭدىنمۇ ئايەت سورىدىم، ئۇمۇ كېتىپ قالدى. ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلدى، ئۇ مېنىڭ ئاچ قالغانلىقىمنى سەزدى ۋە:

  • ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! - دېدى. مەن:

  • خوش؟! ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! - دېگىنىمچە ئۇنىڭغا ئەگەشتىم، بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.

ئۇ ئۆيدە بىر قاچا سۈت تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ:

  • بۇ سۈت نەدىن كەلدى؟- دەپ سورىدى. ئۆيىدىكىلىرى:

  • پالانچى سىلىگە ئەۋەتىپتۇ، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قاراپ:

  • ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! سەن بېرىپ سۇپا ئىگىلىرىنى چاقىرىپ كەلگىن! - دېدى. ئۇنىڭ بۇيرۇقى مېنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، مەن ئىچىمدە: «بۇ سۈت پەقەت بىر قاچىلا تۇرسا سۇپا كىشىلىرىگە يېتەمدۇ؟» دەپ ئويلىدىم، ئەمەلىيەتتە بولسا مەن ئاشۇ سۈتتىن مېڭىشتىن بۇرۇن بىر يۇتۇم بولسىمۇ ئىچىپ كۈچلىنىۋېلىشنى خالايتتىم. ئەمما ئامالسىز يەنىلا چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ كىردىم، ئۇلار كىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، - ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! ئۇ سۈتنى ئېلىپ ئۇلارغا بەرگىن! - دېدى. مەن قاچىنى ئۇلارغا بەردىم، ئۇلاردىن ھەر بىر كىشى ئاشۇ سۈتنى ئىچىپ قاندى، مەن قاچىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇندۇم، ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، - ئىككىمىز قاپتۇق، - دېدى.

  • راست ئېيتىسەن.

  • قېنى ئىچكىن! - مەن ئىچتىم.

  • يەنە ئىچكىن، - دېدى، يەنە ئىچتىم. ئۇ ماڭا ئىچكىن، دەۋەردى، مەن ئىچىۋەردىم ۋە ئاخىرى:

  • ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ھەتتا قورسىقىمنىڭ ھېچ بىر بوش يېرى قالمىدى،- دېدىم. ئۇ ئاندىن قولۇمدىن قاچىنى ئېلىپ ئېشىپ قالغىنىنى ئىچتى.

بۇ ئىشلار بولۇپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مۇسۇلمانلارغا مال ـ دۇنيا يېغىپ كەتتى، ئەبۇ ھۇرەيرەمۇ ئايالى ۋە بالىسى بار بىر ئائىلىك ئادەمگە ئايلاندى، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ پاك قەلبىنى ئۆزگەرتەلمىدى، ئۇ تەنھالىقتىكى كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ ھەمىشە: «يېتىملىكتە ئۆستۈم، مىسكىن ھالەتتە ھىجرەت قىلدىم، غەزۋاننىڭ قىزى بۇسراغا تامىقىم بەدىلىگە ياللىنىپ ئىشلەيتتىم، كىشىلەر كەلسە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ، ئۇلاغلىرىغا مىنسە ئۇلاغلىرىنى يېتىلەيتتىم، ئاندىن ئاللاھ مېنى خۇجايىنىم بۇسراغا ئۆيلەپ قويدى…» دەيتتى.

دىنىنى قانۇن، تۈۋرۈك قىلغان، ئەبۇ ھۇرەيرەنى رەھبەرلىك دەرىجىسىگە كۆتەرگەن ئاللاھقا مەدھىيىلەر بولسۇن!

ئەبۇ ھۇرەيرە مول ئىلىم ئىگىسى بولۇش بىلەنلا قالماي، كەڭ قورساقلىق، تەقۋالىق، پەرزكارلىقتەك پەزىلەتلەرنىمۇ ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇ كۈندۈزى روزا تۇتسا كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە تۇراتتى. ئاندىن ئايالىنى ئويغىتاتتى، ئايالى تۇرۇپ قىزىنى ئويغىتاتتى، كېچىنىڭ قالغان ئۈچتىن بىرىدە قىزى تۇراتتى، دېمەك ئۇنىڭ ئۆيىدە كېچىچە ئىبادەت ئۈزۈلمەيتتى.

ئۇ مۇئاۋىيە تەرىپىدىن كۆپ قېتىم مەدىنىگە ۋالىي قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. ئەمەل ئۇنىڭ كەڭ قورساق، چىقىشقاق، ئاددىي ـ ساددا مىجەزىدىن ھېچنەرسىنى ئۆزگەرتەلمىدى. ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك جاپا ـ مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈردى.

بىر ۋالىي بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا بىر ئاددىي پۇخرادىن پەرقسىز سەۋىيىدىكى تىرىكچىلىك ھەرىكىتى ۋە پۇقرالار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ساددا يېقىنلىقى ھەققىدە شۇنداق بىر ھېكايە بار:

بىر قېتىم ئۇ مەدىنىنىڭ مەلۇم بىر كوچىسىدا ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئوتۇن يۈدۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قېشىدىن سەلئەب ئىبنى مالىك ئۆتىۋېدى ئۇ ئۇنىڭغا:

  • ئى مالىكنىڭ ئوغلى! ۋالىيغا يولنى بوشاتقىن! - دېدى. (ئۇ چاغدا ئۇ ۋالىي ئىدى)

  • ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن! شۇنچە كەڭ يول ساڭا تار كېلىۋاتامدۇ؟

  • ۋالىي ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يۈك ئۈچۈن يولنى بوشىتىپ بەر، - دېدى.

ئۇنىڭ بىر قارا تەنلىك ئايال خىزمەتچىسى بولۇپ ئۇ ئايال ئەسكىلىك قىلىپ ئۇنىڭ ئائىلىسىنى دەردكە سېلىپ قويغانىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن قامچىسىنى كۆتۈرۈپ توختاپ قالدى ۋە:

  • قىيامەتتە قىساس بولۇپ قالمىسا ئىدى، بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيىتىڭ ئۈچۈن ساڭىمۇ ئەزىيەت قىلار ئىدىم، لېكىن مەن سېنى پۇلىنى تولۇق بېرىدىغان بىرىگە ساتىمەن، مەن ئۇ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان نەرسىگە بەكمۇ موھتاج، سەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازاد! بارغىن! - دېدى.

ئۇنىڭ ئائىلە ھاياتىنىڭ قانچىلىك ئاددىي، ھەشەمەتتىن يىراق بولغانلىقى، ۋالىيلىق ئەمەلى تۇرۇپمۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىيىنىش، تارىنىشتا كەمبەغەللەردىن پەرقسىز بولغانلىقى ھەققىدىمۇ شۇنداق بىر ھېكايە بار:

ئۇنىڭ قىزى بىر كۈنى:

  • ئى ئاتا! دوستلىرىم، ئاتاڭ نېمىشقا ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلەر بىلەن سېنى ياساپ قويمايدۇ، دېيىشىپ مېنى زاڭلىق قىلىشىۋاتىدۇ، - دېگەنىدى. ئۇ:

  • ئى قىزىم! سىز ئۇلارغا: دادام مېنىڭ ئوت بىلەن جازالىنىشىمدىن قورقىدۇ، دەڭ، - دېدى.

ئۇنىڭ قىزىنى ياسىنىشتىن چەكلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بېخىللىق قىلغانلىقىدىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ ئاللاھ يولىدا مەرد، كەڭ قورساق ئادەم ئىدى. بۇ تەرىپىنى شۇ كەچۈرمىشىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

بىر كۈنى مەرۋان ئىبنى ھەكىم ئۇنىڭغا يۈز دىنار ئالتۇننى خىزمەتكارى ئارقىلىق بەردى، ئاندىن ئەتىسى بىر ئادەمنى ئەۋەتىپ:

  • خىزمەتكارىم ئالتۇننى ساڭا خاتا يەتكۈزۈپتۇ، ئەسلىدە مەن ئالتۇننى باشقا بىرىگە بەرمەكچى ئىدىم،- دېگەندە ئەبۇ ھۇرەيرە:

  • مەن ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىۋەتكەن ئىدىم، ئۆيۈمدە بىر دىنارمۇ قالمىغان ئىدى، مۇئاشىم چىققاندا ئېلىۋالغىن، - دېدى.

ئەسلىدە مەرۋان بۇ ئىشنى ئەبۇ ھۇرەيرىنى سىناش ئۈچۈن قىلغان بولۇپ ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەملىكىنى بىلدى.

ئەبۇ ھۇرەيرە ئۆمۈر بويى ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىپ كەلدى، ئۇ ھەر قېتىم ئۆيىدىن چىقماقچى بولسا ئانىسىنىڭ ھوجرىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

  • ئى ئانا! سىزگە ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە بەرىكەتلىرى بولسۇن! - دەيتتى. ئانىسىمۇ:

  • ئى ئوغلۇم! ساڭىمۇ سالامەتلىك، رەھمەت ۋە بەرىكەتلىرى بولسۇن! دەيتتى.

  • كىچىك ۋاقتىمدا سىز ماڭا ياخشىلىق قىلغاندەك ئاللاھ سىزگىمۇ رەھمەت ئاتا قىلسۇن!

  • چوڭ بولغىنىڭدا ماڭا ياخشىلىق قىلغانلىقىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! - دەيتتى. ئۇ سىرتتىن قايتىپ كەلگەندە يەنە شۇنداق سالام بېرەتتى.

ئۇ كىشىلەرنى ئاتا ـ ئانىلارغا ياردەم بېرىشكە قىززىقتۇراتتى ۋە ئۇلارنى سىلە ـ رەھىمنى ئۇلاشقا دەۋەت قىلاتتى.

بىر كۈنى يولدا ئۇ ئىككى ئادەمنى كۆردى، ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن قېرىراق ئىدى. ئۇلار تەڭ كېتىۋاتاتتى، ئەبۇ ھۇرەيرە ياشراقىدىن:

  • ئـۇ كىشى سېنىڭ نېمەڭ؟ - دەپ سورىدى.

  • دادام!

  • ئۇنى ئىسمى بىلەن ئاتىمىغىن! ئالدىدا ماڭما، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئولتۇرما! - دېدى.


ئۇ سەكراتقا چۈشكەندە تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭدىن:

  • نېمىشقا يىغلايسەن؟

  • دەپ سوراشتى. ئۇ:

  • مەن سىلەرنىڭ دۇنيايىڭلار ئۈچۈن يىغلىمىدىم، بەلكى سەپەرنىڭ يىراق، ئوزۇقلۇقنىڭ ئازلىقىدىن يىغلاۋاتىمەن، مەن ھازىر جەننەت بىلەن دوزاخقا بارىدىغان يولنىڭ ئاخىرىسىدا تۇرۇۋاتىمەن، ئۆزۈمنىڭ قايسىسىدا بولۇشۇمنى بىلمەيمەن، - دېگەن ئىدى.

  • ئاللاھ ساڭا شىپالىق بەرسۇن! - دېدى مەرۋان ئۇنى يوقلاپ كېلىپ.

  • ئى ئاللاھ، مەن سەن بىلەن ئۇچرىشىشنى خالايمەن، سەنمۇ مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى خالاپ تېزرەك ئۆزۈڭگە ئۇچراشتۇرساڭ! - دېدى ئەبۇ ھۇرەيرە.

مەرۋان ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپلا ئۇ بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى.

ئاللاھ ئەبۇ ھۇرەيرەگە چەكسىز رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن 1600 دىن ئارتۇق ھەدىسنى يادلىغان ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن يەتكۈزگەن مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالىي مۇكاپاتلارنى بەرسۇن! ئامىن!

تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ تەيمىييە

بۆلۈم: “تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ تەيمىييە”

كىمكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يەر ئۈستىدە تىرىك يۈرگەن كىشىگە قاراپ ئۆزىنى سۆيۈندۈرمەكچى بولسا، تەلھە ئبىنى ئۇبەيدۇللاھقا قارىسۇن.

  • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام

تەلھە شام دىيارىدا تىجارەت قىلىش ئۈچۈن قۇرەيش كارۋانلىرى بىلەن كېتىۋاتاتتى. كارۋانلار شامنىڭ بۇسرا شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا قۇرەيش سودىگەرلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى بۇسرا شەھىرىنىڭ ئاۋات بازىرىغا سودا ـ سېتىق ئۈچۈن كېتىشتى.

تەلھەنىڭ يېشى كىچىك بولغانلىقتىن ئۇنىڭ تىجارەتكە ماھىرلىقى چوڭ سودىگەرلەرگە يەتمىسىمۇ لېكىن، تىجارەتتە ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان، ئۇلارسىزمۇ ماللارنىڭ ئېسىللىرىنى تاللاپ سېتىۋالالايدىغان ئەقىلگە ۋە ئۆتكۈر سېزىمچانلىققا ئىگە ئىدى.

تەلھە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن تىجارەتچىلەر بىلەن تولغان بازارغا بېرىپ ـ كېلىپ يۈرگەندە پەقەت ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ يۆنۈلىشىنىلا ئەمەس پۈتكۈل تارىخ يۆنۈلىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكۈدەك چوڭ بىر ئىش يۈز بەردى. بىز بۇنى ئەڭ ياخشىسى تەلھەنىڭ ئۆزىنىڭ بايانىدىن ئاڭلايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«بىز شۇ چاغدا بۇسرانىڭ بازىرىدا ئىدۇق، بىر دەرۋىش كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇپ:

  • ئى تىجارەتچىلەر! بۇ پەسىل ئىگىلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەرەمدىن كەلگەن بىرەر كىشى بارمىكىن؟ - دەپ توۋلىدى. بۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا يېقىنلا جايدا ئىدىم، مەن ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ بېرىپ:

  • مەن ھەرەملىك، دېدىم.

  • سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئەھمەد ئاشكارا بولدىمۇ؟

  • ئەھمەد دېگەن كىم؟

  • ئابدۇللاھ ئىبنى مۇتەللىپنىڭ ئوغلى، بۇ ئاي بولسا ئۇ ئاشكارىلىنىدىغان ئاي، ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى، ئۇ سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولغان ھەرەمدىن چىقىپ قارا تاشلىق، خورمىلىق، ساسلىق زېمىنغا ھىجرەت قىلىدۇ، ئۇ يەردىن سۇ تامچىپ تۇرىدۇ، ئى يىگىت! سەن ئۇنىڭ قېشىغا بۇرۇن بېرىشقا ئەھمىيەت بەرگىن!…

دەرۋىشنىڭ بۇ سۆزى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى، مەن ئالدىراپ تۆگەمنىڭ يېنىغا بېرىپ بىرگە كەلگەن كارۋانلارنى قالدۇرۇپ مەككىگە قاراپ يولغا چىقتىم، مەن مەككىگە بېرىپلا ئائىلەمدىكىلەردىن:

  • مەن كەتكەندىن كېيىن بۇ يەردە بىرەر ئىش يۈز بەردىمۇ؟- دەپ سورىدىم.

  • شۇنداق مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇتەللىپ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزىنى ‹پەيغەمبەر› دەپ ئاتىدى. ئەبۇ قۇھافەنىڭ ئوغلى ئەبۇ بەكرى ئۇنىڭغا ئەگەشتى - دېيىشتى.

مەن ئەبۇ قۇھافەنىڭ ئوغلىنى تونىيتتىم، ئۇ مۇلايىم ۋە سۆيۈملۈك، كىشىلەرگە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ ھەم ئەخلاقلىق، دۇرۇس، يېتىلگەن سودىگەر بولۇپ بىز ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆتەتتۇق. ئۇ قۇرەيشلەرگە ئائىت خەۋەرلەرنى بىلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبىنى ئېسىدە ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ سورۇنىنى ياخشى كۆرەتتۇق. مەن دەرھال ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ:

  • مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى ۋە سېنىڭ ئەگەشكەنلىكىڭ توغرىسىدىكى خەۋەرلەر راستمۇ؟ - دەپ سورىدىم. ئۇ:

  • شۇنداق، ئۇ مېنى دىنغا قىززىقتۇرۇشقا باشلىدى، - دېدى. مەن ئۇنىڭغا ھېلىقى دەرۋىشنىڭ دېگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋىدىم، ئۇ ھەيران قىلىپ، - سەن مەن بىلەن مۇھەممەدنىڭ قېشىغا بېرىپ بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغىمۇ سۆزلەپ بەرگىن ۋە ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ دىنىغا كىرگىن، - دېدى.

بىز بىرلىكتە ئۇنىڭ قېشىغا باردۇق، ئۇ ماڭا ئىسلام توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ قۇرئاندىن ئازراق ئوقۇپ بەردى ۋە ماڭا دۇنيا - ئاخىرەتنىڭ خوش خەۋەرلىرىدىن بايان قىلىپ بەردى.

ئاللاھ دىلىمنى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىۋەتتى، مەن ئۇنىڭغا بۇسرادىكى دەرۋىشنىڭ دېگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇ بۇنىڭدىن خوش بولدى. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق ئېيتتىم. مەن ئەبۇ بەكرىنىڭ دەۋىتى ئارقىلىق ئىسلام كەلتۈرگەنلەرنىڭ تۆتىنچىسى ئىدىم.

قۇرەيشلىك بۇ ياشنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكى ئۇنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا خۇددى ئاسماندىن چاقماق چۈشكەندەك ئېغىر تۇيۇلدى. ھەممىدىن قاتتىق بىئارام بولغىنى ئۇنىڭ ئانىسى ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرىدىن ۋە گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن كىشىلەرگە مەنپەئەت تېگىۋاتقانلىقى ئۈچۈن كېيىن ئۇنىڭ كىشىلەرگە خوجايىن بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بۇ كىشىلەر ئۇنى دىندىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ تاغدەك مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى بايقاشتى. ئۇلار ئۇنى دىندىن چىرايلىقچە ياندۇرۇشتىن ئۈمىد ئۈزگەندە بولسا قاتتىق قوللۇق قىلىشقا ئۆتۈپ ئۇنى ئازابلاشقا باشلىدى.

مەسئۇد ئىبنى خەرراش (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بۇ ھەقتە كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

مەن بىر كۈنى سەفا بىلەن مەرۋە ئارىلىقىدا سەئيى قىلىۋاتاتتىم، بىر توپ كىشىلەرنىڭ بىر ياش يىگىتنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىۋالغانلىقىنى، ئۇ يىگىتنىڭ قوللىرى دۈمبىسىگە قايرىپ باغلانغانلىقىنى، كىشىلەر ئۇنى ھەدەپ ئىتتىرىپ ئارقىسىدىن سوكۇلدۇشۇپ يۈگۈرىشۋاتقانلىقىنى، باشلىرىغا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئارقىىسىدا بىر ياشانغان ئايال بولۇپ، ئۇ ھەدەپ ئۇنى تىللايتتى، ۋارقىرايتتى. مەن ئۇ كىشىلەردىن:

  • بۇ يىگىت نېمە ئىش قىلغانكەن؟ - دېسەم ئۇلار:

-بۇ بولسا تەلھە، ئۇ ئۆز دىنىنى تاشلاپ بەنى ھاشىمىلىق بالىغا ئەگىشىپتۇ،- دېيىشتى.

  • ئۇنداقتا ئاۋۇ ياشانغان ئايال كىم؟- دەپ سورىدىم.

  • ئۇ ئايال بۇ يىگىتنىڭ ئانىسى، ھەززەمىنىڭ قىزى سەئبە،- دېيىشتى».

قۇرەيشلىكلەرنىڭ يولۋىسى دەپ نام ئالغان نوفەل ئىبنى خۇۋەيلىد تەلھەنى باغلىدى، ئەبۇ بەكرىنىمۇ ئۇنىڭغا چېتىپ باغلاپ بۇ ئىككىسىنى قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئەخمەقلىرىنىڭ قاتتىق جازالىشى ئۈچۈن تاپشۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككىسى «بىر جۈپلەر» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئوخشىمىغان ۋەقەلەر ئارقا ـ ئارقىدىن يۈز بېرىشكە، تەلھەمۇ پىشىپ يېتىلىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئاللاھ يولىدا سىنىلىدىغان سىناقلىرىنىڭ سالمىقى ئېغىرلىشىشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا يېتىدىغان مەنپەئىتىمۇ زورۇيۇپ، ھەتتا ئاخىردا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن «تىرىك شېھىت» دەپ ئاتىلىدىغان شەرەپلىك نامغا ئىگە بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى «ياخشى تەلھە»، «سېخى تەلھە»، «مەرد تەلھە» دەپ چاقىراتتى. ئۇنىڭ بۇنداق دەپ چاقىرىلىشىغا سەۋەب بولغان بىر ـ بىرىدىن گۈزەل ۋە تەسىرلىك ھېكايىلىرى بار ئىدى. ئەمدى بىز ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرىغا نەزەر سالايلى.

ئۇنىڭ «تىرىك شېھىت» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى: ئوھۇد كۈنى مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىن چېكىنىپ كەتكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئەنسارىلاردىن ئون كىشى ۋە مۇھاجىرلاردىن تەلھەدىن باشقا ھېچكىم قالمىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كىشىلەر بىلەن ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلەنگەن ھالدا تاغقا ئۆرلەۋاتاتتى. بىر تۈركۈم مۇشرىكلار بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىز بېسىپ قوغلاپ چىقىۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

  • كىمكى ئۇلارنى چېكىندۈرسە ئۇ مېنىڭ جەننەتتىكى ھەمراھىم، - دېدى. تەلھە:

  • ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن شۇنداق قىلاي، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى توسۇپ:

  • ئورنىڭدا جىم تۇرغىن! - دېدى. ئەنسارىلاردىن بىرى:

-مەن قىلاي،- دېۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:

  • بولىدۇ، - دېدى.

ھېلىقى ئەنسارى جەڭ قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدىكىلەر بىلەن يەنە يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى.

مۇشرىكلار يەنە ئۇلارغا ئەگىشىۋالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

  • بۇلارغا قارشى تۇرىدىغان بىرى يوقمۇ؟ - دەپ سورىدى.

  • مەن بار، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! - دېدى تەلھە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە:

  • ئورنىڭدا جىم تۇرغىن! - دېدى. ئەنسارىلاردىن بىرى:

  • مەن، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! - دېدى.

  • بولىدۇ، سەن قىل! - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.

ئۇ ئەنسارىمۇ شېھىت قىلىنغانغا قەدەر ئۇرۇش قىلدى. مۇشرىكلار ئۆرلەۋەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايامقى سوئالىنى سوراۋەردى. ھەر قېتىم تەلھە: «مەن!» دەپ چىققاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى توسايتتى ۋە ئەنسارىلارغا رۇخسەت قىلاتتى، ھەتتا ئەنسارىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا تەلھەدىن باشقا ھېچكىم قالمىدى. مۇشرىكلار بولسا يەنىلا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرىدا تەلھەگە:

  • ئەمدى سەن قىلساڭ بولىدۇ، - دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇدۇل چىشى سۇنۇپ، چېكىسى يېرىلغان، ئاققان قانلار ئۇنىڭ مۇبارەك يۈزىگە سىرغىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭغا ھارغىنلىق يەتكەن ئىدى. تەلھە مۇشرىكلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مۇداپە قىلىش ئىشىنى تەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇ بىردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاغنىڭ ئۈستى تەرىپىگە يۆتكەپ قويسا بىردە قايتىپ، قوغلاپ چىقىۋاتقان مۇشرىكلارغا قارشى ھۇجۇم قىلاتتى. ئۇ بۇنداق ئىشنى شۇ تەرىقىدە داۋام قىلدۇرىۋەردى.

بۇ ۋەقە ھەققىدە ئەبۇ بەكرى مۇنداق دەيدۇ:

«بىز شۇ چاغدا ئەبۇ ئۇبەيدە بىلەن بىرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يىراق بىر جايدا ئىدۇق. بىز ئۇنى قۇتقۇزغىلى كەلگىنىمىزدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

  • مېنى قويۇپ دوستۇڭلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار! - دېدى. ئۇنىڭ بەدىنى قىلىچ ئۇرۇلغان، نەيزە تىقىلغان، ئوقيا ئېتىلغان بولۇپ سەكسەن نەچچە يېرى يارىلانغان. يارىلىرىدىن قانلار ئېقىۋاتقان ھالەتتە ئىدى. تۇيۇقسىز بىر زەربىدىن ئۇنىڭ ئالقىنى يېرىلىپ بىر ئورەككە ھۇشسىزلىنىپ يىقىلدى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

  • كىمكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يەر ئۈستىدە تىرىك يۈرگەن كىشىگە قاراپ ئۆزىنى سۆيۈندۈرمەكچى بولسا تەلھە ئبىنى ئۇبەيدۇللاھقا قارىسۇن، - دەيتتى.

ھەر قېتىم ئوھۇد كۈنى تىلغا ئېلىنسىلا ئەبۇ بەكرى سىددىق:

  • ئۇ كۈننىڭ ھەممىسى تەلھەگە مەنسۇپ! - دەيتتى. مانا بۇ تەلھەنىڭ «تىرىك شېھىت» دەپ ئاتىلىشىدىكى تەسىرلىك ھېكايىسى.

يەنە ئۇنىڭ «ياخشى تەلھە»، «سېخى تەلھە»، «مەرد تەلھە» دەپ ئاتىلىشىغا سەۋەب بولغان نۇرغۇن ھېكايىلىرى بار. بىز بۇ يەردە پەقەت ئۇلاردىن تىپىك بىر نەچچە مىسالنىلا كەلتۈرۈمىز.

تەلھە تىجارەت دائىرىسى كەڭ، بايلىقى كۆپ سودىگەرلەردىن ئىدى، بىر كۈنى ئۇنىڭغا ھەزرەتتۇلمەۋتتىن مال كەلدى. ئۇ مىڭ دىرھەم قىممىتىدىكى مال ئىدى. تەلھە شۇ كۈنى كېچىسى قورققان، ئەنسىرگەن ھالدا ياتتى. ئۇنىڭ قېشىغا ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئۇممۇ كۈلسۈم كىرىپ:

  • ئى مۇھەممەدنىڭ ئاتىسى! سىزگە نېمە بولدى؟ بىز سىزنى رەنجىتتۇقمۇ- يە؟- دېدى.

  • ياق! سىز مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھەقىقىي ياخشى ئايالى، لېكىن مەن كېچىدىن بېرى ئويلىنىپ: بۇ مال ئۆز ئۆيىدە تۇرۇپ ئۇخلىغان ئادەمنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان ئېتىقادى قانداق بولار؟ دەپ قالدىم، - دېدى تەلھە.

  • سىز بۇنىڭ نېمىسىدىن ئەنسىرەيسىز؟ ھازىر دوستلىرىڭىز ۋە كىشىلەر ئىچىدىكى ھاجەتمەنلەر قەيەردە؟ سىز تاڭ ئاتقان ھامان ئۇ ماللارنى ئۇلارغا بۆلۈپ بېرىڭ،- دېدى ئۇممۇ كۈلسۈم.

  • ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن!

سىز ھەقىقەتەن ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ قىزى ۋە ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئايالسىز…، - دېدى.

تاڭ ئاتقاندا ئۇ ماللارنى ھەميان تاۋاقلاردا مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلاردىن بولغان ھاجەتمەنلەرگە بۆلۈپ بەردى.

كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە مۇنداق بىر ھېكايە بار بولۇپ: بىر كۈنى كىشىلەردىن بىر كىشى كېلىپ تەلھەدىن ياردەم سوراپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقاندارچىلىقى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ، بۇ ئۇنىڭغا ئىلگىرى ھىچكىشى تەرىپىدىن دېيىلمىگەن بىر تۇغقاندارچىلىق ئىكەن. تەلھە ئۇنىڭغا: «مېنىڭ بىر زېمىنىم بار ئىدى، ئوسمان ئىبنى ئەففان بۇ زېمىن ئۈچۈن 300 مىڭنى بەرگەن ئىدى، خالىساڭ ئاشۇ زېمىننى ئال، خالىساڭ پۇلىنى ئال!» دېدى. ئۇ ئادەم: «پۇلىنى ئالاي» دېدى. شۇنىڭ بىلەن تەلھە ئۇنىڭغا ئۇ زېمىننىڭ پۇلىنى بەردى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن «ياخشى تەلھە»، «سېخى تەلھە»، «مەرد تەلھە» دېگەن مۇبارەك ناملارغا ئىگە بولغان تەلھەگە مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! ۋە قەبرىسىنى نۇرلۇق قىلسۇن! ئامىن!

سابىت ئىبنى قەيىس ئەنسارى

بۆلۈم: “سابىت ئىبنى قەيىس ئەنسارى”

سابىت ئىبنى قەيىستىن باشقا بىر ئادەمنىڭ ۋەسىيىتى ئۆلگەندىن كېيىن ئورۇندالمىدى.

سابىت خەزرەج قەبىلىسىنىڭ ھۆرمەتكە ئىگە كاتتىۋاشلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئابرۇيلۇق كىشىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە زېھنى ئۆتكۈر، چېچەن، ناتىق كىشى ئىدى. سۆز قىلسا ئۇنىڭ سۆزى باشقىلارنىڭ سۆزىنى بېسىپ چۈشەتتى، نۇتۇق سۆزلىسە نۇتۇقى ئاڭلىغۇچىلارنى ئەسىر قىلىۋالاتتى، ئۇ مەدىنىدىكى ئىسلامغا بۇرۇن كىرگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەينى زاماندا مەككىلىك ياش تەشۋىقاتچى مۇسئەب ئىبنى ئۆمەيرنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن قىلغان تىلاۋىتىدىكى ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭغا ئەسىر بولغان، ئاللاھنىڭ تەڭدىشى بولمىغان گۈزەل كەلىمىلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭ ئىنساننىڭ مەنىۋىىيىتىگە تەسىر قىلغان گۈزەل بەلگىلىمىرىگە مەپتۇن بولغان ئىدى.

ئاللاھ ئۇنىڭ دىلىنى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىۋەتتى، ئۇ ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ بايرىقى ئاستىغا كېلىپ قوشۇلۇش بىلەن ئۇنىڭ قەدرى قىممىتى ۋە مەرتىۋىسى تېخىمۇ ئاشتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە سابىت ئىبنى قەيس ئۆز قوۋمىدىن تەشكىللەنگەن زور بىر تۈركۈم ئاتلىقلار سېپىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالدى ۋە ئۇ يەردە كامىل بولغان بىر نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىنى ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىش، پەيغەمبىرىگە تىنچلىق ۋە رەھمەت تىلەش بىلەن باشلاپ تۆۋەندىكى سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى:

  • ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز سېنى ئۆزىمىز، بالىلىرىمىز، ئاياللىرىمىزدىنمۇ بەكرەك قوغداشقا ۋەدە بېرىمىز، بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىزنىڭ بەدىلىگە نېمە بار؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جەننەت» دەپ جاۋاب بەرگەندە ساھابىلەرنىڭ قۇلىقى جەننەت، دېگەن سۆزنى ئاڭلاش بىلەن خۇشاللىنىپ يۈزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى ۋە:

  • ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز رازى بولدۇق، بىز رازى بولدۇق!… - دەپ كېتىشتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇددى ھەسسان ئىبنى سابىتنى ئۆزىنىڭ شائىرى قىلىۋالغىنىدەك ئاشۇ مۇبارەك كۈندىن باشلاپ سابىت ئىبنى قەيىسنى ئۆزىنىڭ نۇتۇقچىسى قىلىۋالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەرەبلەر ئۆز سۆزلىرىنىڭ مەنىلىرى ھەققىدە ناتىقلىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنازىرىلىشىشكە كەلسە، ھەسسان ئىبنى سابىتنى شائىرلار بىلەن بەسلىشىشكە، سابىت ئىبنى قەيسنى ناتىقلار بىلەن بەس ـ مۇنازىرە قىلىشقا تاللايتتى.

سابىت دىلىدا ئىمانى كۈچلۈك، سەمىمىي، تەقۋادار، ئاللاھتىن ھەممىدىن بەك قورقىدىغان، ھەرقانداق بىر ئىشتا ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ئاگاھ بولۇپ تۇرغۇچى مۆمىن كىشى ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ناھايىتىمۇ بەك غەمكىن ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ:

  • ئى مۇھەممەدنىڭ ئاتىسى! ساڭا نېمە بولدى؟- دەپ سورىدى. ئۇ:

  • ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئۆزۈمنىڭ ھالاك بولغۇچىلار قاتارىدا بولۇپ قېلىشىمدىن قورقۇۋاتىمەن،- دېدى.

  • نېمە ئۈچۈن؟

  • ئاللاھ بىزنىڭ قىلمىغان ئىشلىرىمىزدىن ماختىلىشىمىزدىن توسقان، مەن بولسام ئۆزۈمنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغانلاردىن ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئاللاھ بىزنى چوڭچىلىق قىلىشتىن توسقان، ئەمما مەن بولسام ئۆزۈمنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنى خالايدىغانلاردىن ئىكەنلىكىمنى سەزدىم، - دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ:

-ئى سابىت! سەن ماختىلىپ ياشاشقا، شېھىتلىك ئۆلۈمىدە ئۆلۈشكە، جەننەتكە كىرىشكە رازى بولمامسەن؟- دەپ سورىدى.

  • ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! رازى بولىمەن! ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! رازى بولىمەن!… - دېدى سابىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

  • ساڭا ئەنە شۇ بار، - دېدى.

ئاللاھ تائالانىڭ: (ئى مۆمىنلەر!

(رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا) ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، (قىلغان ياخشى) ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ( [سۈرە ھۇجۇرات 2 ـ ئايەت] دېگەن ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن سابىت گەرچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرىدىغان، دىلى ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي باغلانغان تۇرۇقلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سورۇنلىرىدىن ئۆزىنى تارتىپ ئۆيىدە كۆپرەك تۇرىدىغان، پەقەت پەرز نامازلار ئۈچۈنلا كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ:

  • كىم ماڭا ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ؟- دەپ سورىدى. ئەنسارىلاردىن بولغان بىر كىشى:

  • مەن! ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! - دېدى ـ دە، ئاندىن سابىتنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ كىشى سابىتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە، - ئى مۇھەممەدنىڭ ئاتىسى! ئەھۋالىڭ قانداق؟- دەپ سورىدى.

  • ناچار!

  • نېمە ئۈچۈن؟

  • سەن مېنىڭ ئاۋازىمنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلىسەن، كۆپىنچە ئەھۋالدا مېنىڭ ئاۋازىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى چىقىدۇ، قۇرئاندا يۇقىرىقى ئايەتنىڭ چۈشكەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بار، مەن ئۆزۈمنى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىپ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغانلاردىن بولۇپ قالامدىمكىن، دەپ ئەنسىراۋاتىمەن،- دېدى.

ھېلىقى ئەنسارى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا قايتىپ سابىتنىڭ دېگەنلىرىنى يەتكۈزدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئەنسارىغا:

  • سەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ «سەن دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس بەلكى جەننەت ئەھلىدىن» دېگەن سۆزنى دېگىن،- دەپ بۇيرۇدى. مانا بۇ سابىت ھاياتىدا ئەڭ تەشنا بولۇپ كېلىۋاتقان خۇش بېشارەت ئىدى.

سابىت بەدىردىن باشقا بارلىق جەڭلەرگە قاتناشتى، ئۇ ھەر قېتىم جەڭگە كىرگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشارەت بەرگەن شېھىتلىكنى ئۈمىد قىلىپ كىرەتتى، بىراق جەڭ ئاخىرلاشقاندا ئۇنىڭدىن قۇرۇق قالغانلىقىنى ھېس قىلاتتى. ئۇ شېھىتلىككە بىر ياچاق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىن ھالەتتە ئىدى.

ئەبۇ بەكرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) نىڭ خەلىپىلىكى زامانىدا مۇسەيلىمە بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن جەڭ بولدى، بۇ چاغدا سابىت ئەنسارىلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى، ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ ئازادگەردىسى سالىم مۇھاجىرلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى، خالىد ئىبنى ۋەلىد بولسا مۇھاجىرلار، ئەنسارىلار ۋە سەھرادىن كېلىپ قوشۇلغان يىگىتلەرنىڭ بولۇپ پۈتكۈل قوشۇننىڭ قوماندانى ئىدى. جەڭنىڭ كۆپىنچە ۋاقتىدا غەلىبە ھامان مۇسەيلىمە تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇردى، ھەتتا مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇم خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ چىدىرىغىچە يېتىپ بارغىدەك ئەھۋالغا يەتتى.

سابىت شۇ كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قەلبلەرنى چەكسىز ئۈمىدسىزلىككە تولدۇرغىدەك دەرىجىدە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مۇسۇلمانلار ئاجىزلاشقىنىچە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىقىۋاتقان نالايىق، سەت گەپلەرنى ئاڭلىدى. مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى شەھەر بالىلىرى سەھرالىقلارنى «قورقۇنچاقلار» دەپ ئەيىبلىسە، سەھرالىقلار شەھەرلىكلەرنى «جەڭ قىلالمايدىغانلار، جەڭنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغانلار»… دېيىشىپ ئەيىبلىشەتتى.

سابىت ئۆلۈمگە تەييارلىنىپ ئۆلۈملىكى ئۈچۈن كىپەن كىيدى ۋە شېھىت بولغانلارنىڭ باش تەرىپىدە تۇرۇپ:

  • ئى مۇسۇلمانلار گۇرۇھى!

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا بۇنداق ئۇرۇش قىلمايتتۇق، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى باستۇرۇپ كېلىشكە يول قويغىنىڭلار ئىنتايىن يامان بىر ئىش بولدى… سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار بويسۇندۇرۇپ بەرگىنىڭلار ئەجەبمۇ يامان بولدى… - دېدى، ئاندىن بېشىنى ئاسمان تەرەپكە كۆتۈرۈپ، - ئى ئاللاھ! مەن ئۇلارنىڭ (دۈشمەنلەرنىڭ) مۇشرىكلىكتىن ئېلىپ كەلگەن ئىشلىرىدىن سېنى پاك دەپ بىلىمەن، (مۇسۇلمانلارنىڭ) قىلغان ناچارلىقلىرىدىن سېنى پاك دەپ بىلىمەن! - دېدى، ئاندىن ياخشى كىشىلەر بىلەن مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ دۈشمەن سېپى تەرەپكە شىر كەبى ئېتىلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئۇ ياخشى كىشىلەر بەرا ئىبنى مالىك ئەنسارى، مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ قېرىندىشى زەيد ئىبنى خەتتاب، ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلى سالىم… ئۇلاردىن باشقا ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان بىر تۈركۈم ساھابىلەر ئىدى.

سابىت بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋۇجۇدىنى غەيرەت ـ شىجائەتكە، كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ۋەھىمىگە تولدۇرۋەتكىدەك دەرىجىدە باتۇرلۇق كۆرسەتتى. ئۇ ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە چېپىپ يۈرۈپ ھەر خىل تىپتىكى قوراللىقلار بىلەن ئېلىشىۋەردى. ئۇنىڭغا ئۇرۇلغان زەربىلەردىن يارىسى ئېغىرلىشىپ تاكى يەرگە شېھىت بولۇپ يىقىلغىچە ئۇرۇش قىلدى. ئۇ- ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇنىڭغا بېشارەت بەرگەن شېھىتلىكتىن سۆيۈنگەن، ئاللاھنىڭ، ئۆزى سەۋەبلىك ئۇلارغا ئاتا قىلغان غەلىبىسىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا كۆز يۇمدى.

سابىتنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر ساۋۇتى بار ئىدى. جەڭدە ئۇ شېھىت بولۇپ يىقىلغاندا ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مۇسۇلمان كىشى ئۇنىڭ بۇ تۆمۈر كىيىمىنى ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇ شېھىت بولغان كېچىسى مۇسۇلمانلاردىن بىرى چۈشىدە سابىتنى كۆردى. سابىت ئۇ ئادەمنىڭ چۈشىدە ئۇ ئادەمگە:

  • مەن سابىت ئىبنى قەيىس، مېنى تونىدىڭمۇ؟ - دېدى. ئۇ ئادەم: «ھە» دېگەندە سابىت، - مەن ساڭا بىر ئىشنى ۋەسىيەت قىلىمەن، مەن تۈنۈگۈن ئۆلتۈرۈلگەندە مۇسۇلمانلاردىن بىرى مېنىڭ قېشىمدىن ئۆتتى، ئۇ مۇنداق ـ مۇنداق سۈپەتلىك بىر ئادەم ئىدى، ئۇ كىشى مېنىڭ ساۋۇتۇمنى ئېلىۋىلىپ پالانى تەرەپتىكى بارگاھنىڭ ئەڭ چېتىدىكى چېدىر تەرەپكە ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇنى قازان ئاستىغا باستۇرۇپ قازاننىڭ ئۈستىگە ئىگەرنى باستۇرۇپ قويدى، سەن خالىدقا دېگەنلىرىمنى ئېيتىپ ئۇ كىيىمنى ئەكەلدۈرۋالغىن، ئۇ كىيىم ھازىرمۇ ئۆز ئورنىدا. ساڭا ۋەسىيەت قىلىدىغان يەنە بىر ئىش، سەن ئۇنى ھەرگىزمۇ چۈشۈمدە دېيىلگەن سۆز دەپ سەل قارىما، سەن خالىدقا: ئەگەر سىز مەدىنىگە خەلىپىنىڭ قېشىغا بارسىڭىز، سابىتنىڭ مۇنداق ـ مۇنداق قەرزلىرى ۋە ئازاد قىلىۋېتىدىغان فالانى ۋە فۇستانى قۇللىرى بار ئىكەن، سىز ئۇنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەپ قۇللىرىنى ئازاد قىلىۋىتىڭ، دېگىن،- دېدى.

ھېلىقى ئادەم ئويغىنىپ چۈشىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇنىڭغا خەۋەر قىلدى، خالىد ئۇ ساۋۇتنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەن ئىدى، ئەۋەتىلگەن ئادەم ئۇ كىيىمنى دەل ھېلىقى ئادەمنىڭ چۈشىدە تەسۋىرلەنگەن ئورنىدىن ساق پېتى ئېلىپ كەلدى.

خالىد مەدىنىگە قايتقاندىن كېيىن خەلىپە ئەبۇ بەكرىگە ھېلىقى ئادەمنىڭ چۈشى ئارقىلىق سابىت ۋەسىيەت قىلغان ئىشلارنى دېدى. ئەبۇ بەكرى سابىتنىڭ ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلىپ ئاندىن:

  • سابىت ئىبنى قەيستىن باشقا ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە كېيىن بىرەر ئادەمنىڭمۇ ئۆلگەندىن كېيىن قىلغان ۋەسيىتى ئىجرا قىلىنغانلىقى كۆرۈلمىگەن ئىدى… - دېدى.

ئاللاھ سابىت ئىبنى قەيستىن رازى بولسۇن ۋە ئۇنى رازى قىلسۇن! ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىي جەننەتلەردە قىلسۇن!

ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى

بۆلۈم: “ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى”

ئەسما يۈز يىل ئۆمۈر كۆردى، ئۇنىڭ بىرەر تال چىشى چۈشمىدى، يا ئەقلىدىن ئادىشىپمۇ قالمىدى.

  • تارىخچىلار

بىز بۇ يەردە بايان قىلماقچى بولغان ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى، ھاياتىدا كىشىنىڭ دىلىنى سۆيۈندۈرگىدەك پەزىلەت، ئارتۇقچىلىق ۋە ئۇلۇغلۇقنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر ئايالدۇر. چۈنكى ئۆزى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كيېىنكى خەلىپىسى ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزىدۇر. ئۇنىڭ قىز قېرىندىشى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئانىمىز ھەزرىتى ئائىشەدۇر. ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ بوۋىسى، يەنى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئاتىسى ئەبۇ ئەتىيق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىسى بولغان ئېرى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ۋە ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ساھابىلاردىندۇر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!). ئۇنىڭ باشقىلارغا چېتىلغان شەرىپىنى قويۇپ ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئەسما بولغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ شەرەپلىنىشىگە يېتەرلىكتۇر.

ئەسما دەسلەپ ئىمان ئېيتقانلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن پەقەت 17 ئادەم ئىمان ئېيتقان ئىدى. ئەسما يەنە «ئىككى بەلۋاغ ئىگىسى» دېگەن نامغىمۇ ئىگە بولغان بىر پەزىلەت ئىگىسى بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاتىسى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدىغان كۈنى ئۇلارغا ئوزۇقلۇق ۋە سۇ تەييارلاپ بېرىپ، بۇ نەرسىلەرنى تاڭىدىغان نەرسە تاپالمىغاندا ئۆزىنىڭ بەلۋىغىنى ئوتتۇرىدىن يىرتىپ بىر پارچىسىدا ئوزۇق خالتىسىنى، يەنە بىرىدە تولۇمنى باغلىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن جەننەتتە ئىككى بەلۋاغ بېرىشكە دۇئا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئىككى بەلۋاغ ئىگىسى» دېگەن نامغا ئىگە بولغان.

ئۇ زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام بىلەن نىكاھلانغاندا زۇبەير بولسا قولىدا نە خىزمىتىنى قىلىدىغان خىزمەتچىسى نە بىر ئېتىدىن باشقا ئائىلىسىنى باياشات قىلغۇدەك مال ـ دۇنياسى يوق كەمبىغەل يىگىت ئىدى. بىراق ئەسما ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا ياخشى بىر ئايال ئىدى، ئەسما دائىم ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئېتىنى يېتىلەيتتى، ئۇنى ئوتلىتىپ، ھەلەپ ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن دانلارنى يەنچىيتتى. ئاللاھ ئۇلارغا كەڭچىلىك ئاتا قىلىپ ئۇلارنى ساھابىلەرنىڭ ئەڭ بايلىرىنىڭ قاتارىدىن قىلغانغا قەدەر ئۇ شۇ ھالەتتە ياشىدى.

ئەسمانىڭ دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە ھىجرەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋاقىتلىرى دەل ئۇنىڭ ئوغلى زۇبەيرگە بولغان ھامىلىلىك مەزگىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كەلدى، ئۇ ئەھۋالىنىڭ بۇنچىلىك قىيىنچىلىقىدىن قورقماي سەپەرگە ئاتلاندى.

ئۇ دەل مەدىنىدىكى قۇبا مەسجىدى بار كەنتكە يېتىپ بارغاندا كۆزى يورۇدى. مۇسۇلمانلار خۇشاللىنىپ تەكبىر ۋە تەھلىل ئېيتىشتى، چۈنكى تۇغۇلغان بۇ بوۋاق مەدىنىگە ھىجرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى تۇغۇلغان بوۋاق ئىدى. ئەسما ئوغلى ئابدۇللاھ زۇبەيرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك تۈكرىكلىرى بىلەن بالىنى ئېغىزلاندۇردى ۋە دۇئا قىلدى. بۇ بالىنىڭ قورسىقىغا كىرگەن تۇنجى نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك تۈكرىكى بولدى.

ئەسمادا ئەرلەردىمۇ ئاز تېپىلىدىغان ئەقىل ـ ئىدراك ۋە پەزىلەت، ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ سېخىيلىكى بولسا ئۈلگە قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىدى، بۇ ھەقتە ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن ھاممام ئائىشە ۋە ئانامدەك سېخى كىشىنى كۆرمىدىم، بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ سېخىيلىكى ئوخشىمايتتى، ھاممام ئائىشە بولسا نەرسىلەرنى يىغىپ قويۇپ ھاجەتمەنلەرگە يەتكۈدەك بولغاندا ئاندىن بېرەتتى، ئانام بولسا ئەتىگە ھېچنېمە قالدۇرمايتتى.

ئەسما ھەرقانداق قىيىن ئەھۋالدىمۇ ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئەقىل ئىگىسى ئىدى. ئاتىسى ئەبۇ بەكرى ئەينى زاماندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا ئۆيىدە بار بارلىق مال ـ مۈلكىنى بىللە ئېلىپ ماڭغان ئىدى، ئۇنىڭ ئېلىپ ماڭغان مېلىنىڭ سانى ئالتە مىڭ دىرھەم بولۇپ ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ھېچنېمە قالدۇرمىغان ئىدى. ئەسمانىڭ بوۋىسى ئەبۇ قۇھافە ئەبۇ بەكرىنىڭ سەپەر قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ (ئۇ چاغدا ئۇ مۇشرىك ئىدى) ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى ۋە ئەسماغا:

  • ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن ئۇنىڭ ئۆزى ئارقىلىق سىلەرنى غەم ـ ئەندىشىگە سېلىپ قويغاننىڭ ئۈستىگە سىلەرنى كەمبەغەل بىر ھالەتتە قالدۇردى، دەپ قارايمەن،- دېگەندە، ئەسما ئۇنىڭغا:

  • ئى بوۋا! ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بىزگە كۆپ مال قالدۇرۇپ قويدى،- دېگىنىچە شېغىللارنى ئېلىپ مال ساقلايدىغان تەكچىگە قويغاندىن كېيىن ئۈستىگە بىر پارچە رەختنى يېپىپ بوۋىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ (ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەس ئىدى) رەختنىڭ ئۈستىدىن سىلاتقۇزۇپ،- قانداق، راستمىكەن؟ - دېۋېدى، بوۋىسى:

  • قالدۇرۇپتۇ، ئەگەر ئۇ مۇشۇ ماللارنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرغان بولسا ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىپتۇ، - دېگەنىدى.

ئەسما مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ياشانغان كىشىنى خاتىرجەم قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە مال بېرىشىدىن توسۇپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. چۈنكى ئۇ گەرچە بوۋىسى بولغان تەقدىردىمۇ مۇشرىكلاردىن ئۆزىگە ياردەم قىلىنىشنى خالىمايتتى.

تارىخ ئەسمانىڭ ھاياتىدىكى نۇرغۇن ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرنى ئۇنتۇپ قالدى، دېگەندىمۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير بىلەن ئاخىرقى قېتىمقى ئۇچرۇشىشى ۋە بۇ ئۇچرىشىشتا نامايەندە بولغان ئۇنىڭ ئۆتكۈر ئەقلى، كەسكىن پوزىتسىيىسى ۋە كۈچلۈك ئىمانىنىڭ سۆھبەتتىكى ئىپادىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇ ۋەقەلىك مۇنداق ئىدى:

يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەسمانىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرگە ھىجاز، مىسىر، ئىراق، خۇراسان، شام دىيارلىرىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بەيئەت قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇمەييە جەمەتىدىكىلەر ھەجاج ئىبىنى يۈسۈف سەقەفىينىڭ قوماندانلىقىدا ئابدۇللاھقا قارشى زور قوشۇن ماڭدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن جەڭ باشلاندى. ئۇ جەڭدە ئۆزىگە خاس باتۇرلۇق ۋە چەۋەندازلىق بىلەن قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر پەيدىن ـ پەي ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئۆيى بىلەن پاناھلاندى، يەنى ئۇ بىر قانچە كىشىلىرى بىلەن مۇقەددەس كەبىنىڭ ئىچىدە قوغدىنىشقا مەجبۇر بولدى.

ئۇ شېھىت بولۇشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئانىسى ئەسمانىڭ قېشىغا كەلدى، بۇ چاغدا ئەسما كۆزى تۇتۇلۇپ ياشىنىپ قالغان ئىدى.

  • ئى ئانا! سىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن، - دېدى ئابدۇللاھ.

  • ئوغلۇم ئابدۇللاھ، ساڭىمۇ تىنچلىق بولسۇن!… ھەجاجنىڭ مەنچاناقلىرى (چوڭ ـ چوڭ تاشلارنى يىراققا ئاتىدىغان قورال) ئاتقان تاشلار يەرلەرنى تىترىتىۋاتقان مۇشۇنداق چاغدا سەن بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟

  • سىزدىن مەسلىھەت سورىغىلى.

  • مەندىن؟ قايسى ئىش توغرىسىدا؟

  • كىشىلەر ماڭا ياردەم قىلمىدى، ھەجاجدىن قورقۇپ ۋە ئۇنىڭ مال ـ دۇنياسىغا قىزىقىپ مەندىن يۈز ئۆرۈدى. مېنىڭ قېشىمدا پەقەت بىر قانچە كىشىلا قالدى. ئۇلار ھەر قانچە چىداملىق بولغان تەقدىردىمۇ، پەقەت بىرنەچچە سائەتلا بەرداشلىق بېرەر.

بەنى ئۆمەييەنىڭ ئەلچىلىرى ناۋادا مەن قورالنى تاشلاپ ئابدۇللاھ ئىبنى مەرۋانغا بويسۇنسام ماڭا خالىغىنىمنى بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتىدۇ، سىزنىڭچە قانداق؟

ئەسما ئوغلىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:

بۆلۈم: “ئەسما ئوغلىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:”
  • ئى ئابدۇللاھ! ئۆز ئەھۋالىڭنى ئۆزۈڭ بىلىسەن، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئوبدان بىلىسەن!… ئەگەر ھەقىقەتكە چاقىرىپ ھەق ئۈستىدە تۇرساڭ چىداملىق بول! سەن خۇددى سېنىڭ بايرىقىڭ ئاستىدا ئۆلگەن مۆمىنلەر سەۋرى قىلغاندەك سەۋرى قىل!… ئەگەر سەن مالنى كۆزلىگەن بولساڭ ناھايىتى ئەسكى ئادەم بولغان بولىسەن، نەتىجىدە ئۆزۈڭنىمۇ، ئادەملىرىڭنىمۇ ھالاك قىلىسەن.

  • لېكىن، مەن بۈگۈن شەكسىز ئۆلتۈرىلىمەن.

  • بۇ سەن ئۈچۈن ھەجاجغا تەسلىم بولۇپ، كاللاڭنى بەنىي ئۇممەيەنىڭ بالىلىرى ئوينىغىنىدىن ياخشى.

  • مەن ئۆلۈمدىن قورقىۋاتمايمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ مېنى چانىۋېتىشىدىن ئەنسىراۋاتىمەن.

  • ئۆلگەندىن كېيىن ئىنسان ئەنسىرەيدىغان ئىش قالمايدۇ، بوغۇزلىنىپ بولۇنغان قوي سويۇشنىڭ ئازابىنى سەزمەيدۇ…

  • ئاللاھ سىزنىڭ ئانا بولغىنىڭىزغا، ئۇلۇغ خىسلەتلەرگە ئىگە بولغىنىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن! مەن پەقەت يېنىڭىزغا مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا كەلگەنمەن، ئاللاھ مېنىڭ ئاجىزلىشىپ قالمىغانلىقىمنى ئوبدان بىلىدۇ، مېنىڭ ئىشلىرىمدا دۇنيا ۋە ئۇنىڭ زىننەتلىرىنى ياقتۇرۇپ ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارغا يول قويۇلىۋاتقانلىقىغا غەزەپلەنگەنلىكىمگە شاھىت، مانا مەن ھازىر سىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشقا ماڭىمەن، ئەگەر شېھىت قىلىنسام ماڭا قايغۇرماڭ، ئىشلىرىڭىزنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭ…

  • ئەگەر سەن ناھەق ئىش ئۈستىدە ئۆلتۈرۈلسەڭ ئاندىن ساڭا قايغۇرىمەن.

  • ماڭا ئىشىنىڭ ئانا، ئوغلىڭىز بولغان مەن ھەرگىز يامان ئىش قىلىش نىيىتىدە بولمىدىم، بۇزۇقچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇلانمىدىم، ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە زۇلۇم قىلمىدىم، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش نىيىتىدە بولمىدىم، مېنىڭ نەزىرىمدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن ئەلا نەرسە يوق، مەن بۇ سۆزلەرنى ئۆزۈمنى ئاقلاش نىيىتىدە ئەمەس بەلكى دىلىڭىزغا سەۋرى كىرگۈزۈش ئۈچۈن دەۋاتىمەن.

  • سېنى مەن ياخشى كۆرىدىغان ئىش ئۈستىدە قىلغان ئاللاھقا مەدھىيىلەر بولسۇن! ئى ئوغلۇم! يېقىنراق كەل، مەن سېنىڭ پۇرىغىڭنى پۇرىۋالاي، بەدەنلىرىڭنى سىلىۋالاي، بۇ بەلكىم سەن بىلەن ئاخىرقى ئۇچرىشىشىمىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەسما شۇنداق دەپ ئوغلىنىڭ قوللىرىغا، پۇتلىرىغا ئۆزىنى ئېتىپ سۆيۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ يۈزلىرىنى، بۇيۇنلىرىنى پۇرايتتى، بەدىنىنى سىلايتتى. ئۇ تۇرۇپلا قولىنى يىغىۋېلىپ، - بۇ كەيگىنىڭ نېمە؟- دەپ سورىدى.

  • ساۋۇتۇم.

  • ئى بالام! بۇ شېھىت بولۇشنى ئىرادە قىلغان ئادەمنىڭ كىيىدىغان كىيىمى ئەمەس.

  • لېكىن مەن ئۇنى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا كىيىۋالغان ئىدىم.

  • بۇنى سىلىۋەت، بۇ كىيىم سېنى قوغداشقا لايىق، ھۇجۇم قىلىشىقا ۋە ھەرىكىتىڭنىڭ يەڭگىل بولۇشىغا پايدىلىق، لېكىن ئۆلۈپ كېتىپ قالساڭ ئەۋرىتىڭنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن ئىشتان كىيىۋال!

ئابدۇللاھ ساۋۇتىنى سىلىۋىتىپ ئۇزۇن ئىشتاننى كەيدى ۋە جەڭنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرەم تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ كېتىۋاتقاچ: «ئى ئانا! ماڭا دۇئا قىلىشنى ئۈزۈپ قويماڭ!» دەيتتى. ئەسما قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ:

  • ئى ئاللاھ ئۇنىڭ قاراڭغۇ كېچىلىرى كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا ئۇزاق ئىبادەت قىلغانلىقى، قاتتىق يىغلىغانلىقىغا رەھمەت قىلغىن!… ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ روزا تۇتقان ھالدا مەككە ـ مەدىنە ئارىسىدا قىلغان سەپىرىدىكى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقىغا رەھمەت قىلغىن! ئى ئاللاھ!

ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا قىلغان ياخشىلىقىغا رەھمەت قىلغىن!… ئى ئاللاھ مەن ئۇنى ئۆزۈڭگە تاپشۇردۇم! سېنىڭ ھۆكۈمىڭگە رازى بولدۇم، ماڭا سەۋرى قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى بەرگىن!… - دەپ دۇئا قىلدى.

شۇ كۈنى قۇياش پاتماي تۇرۇپلا ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير شېھىت قىلىندى. ئۇنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىغا ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئانىسى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرىمۇ ۋاپات بولدى. ئۇ يۈز يىل ئۆمۈر كۆرگەن، بىرەر تال چىشى چۈشمىگەن، ئەقلىدىن ھېچ كېتىپ قالمىغان ئايال ئىدى. (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)

فەيرۇز، مۇبارەك ئائىلىدىن چىققان مۇبارەك ئادەم.

بۆلۈم: “فەيرۇز، مۇبارەك ئائىلىدىن چىققان مۇبارەك ئادەم.”

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

بۆلۈم: “مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام”

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خوشلىشىش ھەجىدىن قايتىپ كېلىپ، كېسەل بولۇپ قالغاندا ئۇنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىق خەۋىرى يېرىمئارالنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالدى. شۇنىڭ بىلەن يەمەندىكى ئەسۋەدول ئەنسى، يەمامىدىكى مۇسەيلەمەتىل كەززاب، بەنى ئەسەد دىيارىدىكى تۇلەيھەتۇل ئەسەدى قاتارلىقلار ئىسلامدىن يېنىپ كەتتى. ئۇلار خۇددى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ قۇرەيش قوۋمىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندەك، بىزمۇ ئۆز قەۋملىرىمىزگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدۇق، دەپ بىلجىرلاشتى.

ئەسۋەدۇل ئەنسى بولسا كۆڭلى قارا، ئىنتايىن ئەسكى ۋە كۆز بويامچى كاھىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەقىللەرنى ئۆزىگە مايىل قىلغۇدەك سۆزمەن، سەپسەتە نەزىريەلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ كالىسىنى قايمۇقتۇرۋىتەلەيدىغان، مەنسەبى ۋە مال ـ مۈلكى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئالدىيالايدىغان قارا نىيەت كىشى ئىدى. بىراق ئۇ ئۆزىدىكى بارلىق رەزىللىكلەرنى يوشۇرۇپ باشقىلارغا سالاپەتلىك، سەمىمىي قىياپىتى بىلەن كۆرۈنۈشكە تىرىشاتتى.

شۇ مەزگىلەردە يەمەندىكى «ئبنائىلار» مەرتىۋە ۋە نوپۇز جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاتتىسى فەيرۇزۇد دەيلەمىي بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دوستى ئىدى. «ئەنبا» دېگەن نام - ئاتىلىرى بولسا يۇرتىلىرىدىن بۇ يەرگە كەلگەن، ئانىلىرى بولسا ئەرەب مىللىتىدىن بولغان كىشىلەرگە قويۇلغان نام ئىدى. ئۇلارنىڭ كاتتىسى بازان دېگەن ئادەم ئەسلىدە ئىسلام ئاشكارىلانغان مەزگىلەردە پارس دۆلىتىنىڭ پادىشاھى كىسرا تەرىپىدىن يەمەنگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن كىشى ئىدى. بەزەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىللىقى، دىنىنىڭ يۈكسەكلىكى ئاشكارىلانغاندا كىسراغا بويسىنىشتىن باش تارتىپ پۈتكۈل قوۋمى بىلەن بىللە ئىسلامغا كىرگەن ئىدى. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆز شاھلىق مەرتىۋىسىدە قالدۇردى، ئۇ ئەسۋەدۇل ئەنسى ئاشكارىلىنىشتىن بىرئاز ۋاقىت ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر شۇ ھالەتتە ئىدى.

ئەسۋەدۇل ئەنسىغا تۇنجى بولۇپ ئاۋاز قوشقانلار ئۇنىڭ مەزھىج قەبىلىسىدىن بولغان خەلقى ئىدى. ئۇ كىشىلەر بىلەن بىرگە سەناغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇ يەرنىڭ ۋالىيسى بازانىڭ ئوغلى شەھىرىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئايالى ئازادنى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئاندىن سەنئادىن باشقا جايغا ھۇجۇم قىلىشقا ماڭدى.

ئۇ ھۇجۇم قىلغان رايونلار كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۆتتى، ھەتتا ھەزرە مەۋت بىلەن تائىف، بەھرەين، ئىھسائەدىن ئەدەنگىچە ئۇنىڭ قىلىچى ئاستىدا بويسۇندۇرۇلدى.

ئەسۋەدۇل ئەنسنىڭ كىشىلەرنى ئالداش ۋە ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇشتا قوللىنىدىغان نەرسىسى ئۇنىڭ ئەقلى ئىدى. ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۇنىڭ ئاسماندىن ۋەھىي ئېلىپ چۈشىدىغان، غەيىبتىن خەۋەر بېرىدىغان پەرىشتە بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يالغان سۆزىنى راست قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تەرەپ ـ تەرەپكە تىڭ ـ تىڭچىلىرىنى ئەۋەتىپ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى، ئۇلار يوللىغان مەسىلىلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەرگە قەيەردە، كىمدە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۇ كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى ئويلاپ، نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى دەپ بېرەتتى، بۇنىڭ بىلەن نادان ئەگەشكۈچىلەر ئۇنىڭ بۇ قەدەر كارامەتلىرىگە ئالدىنىپ ئۇنى ئاجايىپ ئادەم دەپ بىلەتتى، شۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭ نامى خۇددى قورۇق ئوتۇنغا تۇتاشقان ئوتتەك ھەممە ياققا ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە تارقىدى.

ئەسۋەدىل ئەنسىنىڭ دىندىن يېنىپ يەمەنگە ھۇجۇم قىلغانلىق خەۋىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەمەندىكى ئىلگىرى ئىسلام كەلتۈرگەن ياخشى كىشىلەرنىڭ يېنىغا ئون نەچچە ساھابىسىنى مەكتۇپ بىلەن يوللىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەكتۇبىدا ئۇلارنى بۇ قارغۇلارچە ئازغۇنلۇققا ئىمان ۋە كەسكىن ئىرادە بىلەن قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ، ئەسۋەدۇل ئەنسىدىن قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن قوتۇلۇشقا بۇيرۇغان ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەكتۇبىنىڭ مەزمونىدىن خەۋەر تاپقان ھەر بىر كىشى ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا ئاتلاندى. بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا ئەڭ ئالدىرىغىنى ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى فەيرۇزۇد دەيلەمى ۋە ئەبنالاردىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغانلار ئىدى. بىز بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن تېخىمۇ ئېنىقراق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بايانىنى ئاڭلايلى، ئۇ بىزگە ئەقىللەرنى لال قىلغۇدەك ئاجايىپ ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەپ بەرسۇن:

«مەن ئەنبالاردىن مەن بىلەن بىرگە بولغانلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن بىر مىنۇتمۇ شەكلىنىپ قالمىغان ئىدۇق، ئاللاھنىڭ ساقلىشى بىلەن بىزنىڭ ھېچقايسىمىز دىلىمىزدا ئاللاھنىڭ دۈشمىنىگە ئىشىنىش دېگەن نەرسىنى ئويلاپمۇ قويمىغانىدۇق، بىز ھەممە ۋاقىت ئاللاھنىڭ بۇ دۈشمىنىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭدىن ھەر قانداق قىلىپ بولسىمۇ قۇتۇلۇش پۇرسىتىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدۇق. بىزگە، يەنى ئىلگىرى دىنغا كىرگەنلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەكتۇبى يەتكەن ھامان بىر ـ بىرىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا ئاتلاندۇق.

ئەسۋەدۇل ئەنسى ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازانغانچە مەغرۇرلىنىپ، تەكەببۇرلىشىپ كېتىۋاتقان ئىدى. ئۇ قوشۇن قوماندانى قەيس ئىبنى ئەبدى يەغۇسقا چوڭچىلىق قىلىپ زومىگەرلىك ئىشلەتتى، ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگەردى، ھەتتا قەيس ئەسۋەدنىڭ ئۆزىنى جازالىشىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

مەن تاغامنىڭ ئوغلى دازەۋەي بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەكتۇبىنىڭ مەزمونىنى يەتكۈزدۇق ۋە ئۇنى ئەسۋەدنىڭ ئۇنىڭغا قول سېلىشىدىن بۇرۇن ئۇنىڭ قول سېلىشىغا رىغبەتلەندۇردۇق. ئۇ بىزنىڭ چاقىرىقىمىزدىن يايراپ كەتتى. ئۇ بىزنى خۇددى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بىز بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولدى. بىز ئۇ كاززابقا قارشى ئىچكى تەرەپتىن تاقابىل تۇرساق، باشقا قېرىنداشلىرىمىز سىرتتىن تاقابىل تۇرۇشقا كېلىشىۋالدۇق.

ئەسۋەدۇل ئەنسىنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزىنى نىكاھىغا ئېلىۋالغان ئايالى ئازاد مېنىڭ تاغامنىڭ قىزى ئىدى. بىز بۇ پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى بىزگە ھەمكارلىشىشقا چاقىرىشنى توغرا تاپتۇق.

مەن ئەسۋەدنىڭ قەسرىسىگە بېرىپ تاغامنىڭ قىزى ئازاد بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ: ‹ئى تاغامنىڭ قىزى! سەن بۇ ئادەمنىڭ ساڭا قىلغان ئەسكىلىكىنى ئوبدان بىلىسەن، ئۇ سېنىڭ ئېرىڭنى ئۆلتۈرۈپ سېنى نىكاھىغا ئېلىۋالدى، باشقىلارنىڭ ئايالىنى ئاياق- ئاستى قىلدى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ھالاك قىلىپ، ھوقۇقىنى تارتىۋالدى، بۇ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسەن بىزگە، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا پۈتكۈل يەمەن خەلقىگە يوللىغان مەكتۇبى، ئۇ خېتىدە بىزنى ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىپتۇ، سەن بىزگە بۇ ئىشتا ياردەملەشسەڭكەن› دېدىم.

  • سىلەرگە قايسى ئىشتا ياردەملىشىمەن؟- دېدى ئۇ.

  • ئۇنى ئۆيدىن سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا.

-بەلكى مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بەرسەمچۇ!

  • ئاللاھ بىلەن قەسەمكى!

مەن ساڭا مۇشۇ مەقسەتتە دېگەن ئىدىم، لېكىن مەن بۇ سۆزنى يۈز ـ تۇرانە دېيىشتىن خىجىل بولۇۋاتاتتىم.

  • ئاللاھ ھەق بىلەن ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى! مەن ئۆز دىنىمدىن ھېچ شەكلىنىپ باقمىدىم، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا دۇنيادا ئەسۋەدۇل ئەنستىنمۇ بەكرەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان كىشى يوق، مەن ئۇنى كۆرگەندىن بېرى ئۇنىڭ گۇناھلارغا پاتقان ھالدا ياشايدىغان، باشقىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىغا قىلچە رىئايە قىلمايدىغان، يامان ئىشلاردىن قول يىغمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

  • ئۇنداقتا ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قانداق ياردەم بېرىسەن؟

  • بۇ ئادەمنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە قوغدىغىچىلىرى بار، سارايدا ئاشۇ يىراق ھۇجرىدىن باشقا، مۇھاپىزەتچىلەر تۇرمايدىغان بىرمۇ جاي يوق. ئۇ يەرنىڭ كەينى تەرىپى قۇرۇقلۇقتا ماۋۇ ـ ماۋۇ تەرەپلەرگە تۇتىشىدۇ، كەچ كىرگەندىن باشلاپ سىلەر بۇ يەرنىڭ تېمىنى كېچىچە تېشىڭلار. سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدىن چىراغ ۋە قورال ـ ياراقلارنى تاپىسىلەر ۋە يەنە مېنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىمنى بايقايسىلەر، ئاندىن سىلەر ئۇ يەرگە كىرىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار،- دېدى.

  • بۇنداق ساراينى تەشمەك تەس، ناۋادا بۇ يەردىن بىرەر مۇھاپىزەتچى ئۆتۈپ قالسا بىزنى كۆرۈپ قىلىپ ۋارقىراپ ھەممىنى چاقىرىدۇ.

  • توغرا! مېنىڭ سىلەرگە باشقا بىر مەسلىھىتىم بار.

  • ئۇ قانداق مەسلىھەت؟

  • ئەتە سىلەر ئىچىڭلاردىن بىرىنى خىزمەتكار سىياقىدا ياساپ مېنىڭ قېشىمغا ئەۋەتىڭلار، مەن ئۇنىڭغا ھوجرىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن ئاز قالغۇچە تېشىشكە بۇيرۇي، شۇنداق بولغاندا سىلەر سىرتتىن ئاسانلا تىشەلەيسىلەر.

  • پاھ! بۇ نېمىدېگەن دانا مەسلىھەت؟!

مەن قايتىپ كېلىپ قالغان ئىككى سەپدىشىمغا بولغان ئەھۋاللارنى يەتكۈزدۈم، ئۇلار بۇ ئىشلارغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەشتى، بىز شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىشلارنىڭ تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتۇق.

بىز ياردەمچىلىرىمىزدىن بىر قىسىم مۆمىنلەرگە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىمۇ تەييارلىق كۆرۈشكە چاقىردۇق ھەم ئۇلار بىلەن ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئېتىش ۋاقتىغا كېلىشتۇق. قاراڭغۇ چۈشۈپ دېيىشىۋالغان ۋاقتىمىز بولغاندا بىز تېشىدىغان جايغا قاراپ ماڭدۇق. بىز دېيىشكەن يەردىن تېشىپ ئىچىگە كىرىپ ئۇ يەردىكى تەييارلانغان قوراللارنى ئېلىپ چىراقلارنى ياقتۇق ۋە ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنىڭ ھۇجرىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق. تاغامنىڭ قىزى ئۇنىڭ ئىشىكىدە تۇرغان ئىكەن. ئۇ ماڭا ئىشارەت قىلدى، مەن كىردىم. ئاللاھنىڭ دۈشمىنى قاتتىق ئۇخلاۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭ بوينىغا خەنجەر ئۇردۇم. ئۇ كالا خىقىرغاندەك خىقىراپ بوغۇزلانغان تۆگىدەك تېپىرلاپ كەتتى. مۇھاپىزەتچى ئۇنىڭ خىقىرغىنىنى ئاڭلاپ ساراي تەرەپكە كېلىپ:

  • نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى. تاغامنىڭ قىزى ئۇلارغا:

  • ئەنسىرىمەي قايتىڭلار! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋەھىي چۈشىۋاتىدۇ، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتتى.

بىز تاكى تاڭ ئاتقىچە سارايدا تۇردۇق، تاڭ ئاتقاندا مەن ساراينىڭ تېمىغا چىقىپ:

  • ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر! بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەدنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئەسۋەدنى كەززاب دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن! - دەپ توۋلىدىم، بۇ بىزنىڭ پارول بەلگىمىز ئىدى.

مۇسۇلمانلار ھەر تەرەپتىن ساراي تەرەپكە قاراپ كېلىشتى، مۇھاپىزەتچىلەر ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۆچۈشۈپ كېتىشتى ۋە دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئۇچرىشىپ ھەتتا گىرەلىشىپ كېتىشتى. مەن ساراي تېمىنىڭ ئۈستىدىن ئەسۋەدنىڭ بېشىنى تاشلىدىم. بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قوشۇنى ئاجىزلاپ كەتتى.

ئۇلار بوشىشىپ كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى، مۆمىنلەر تەكبىر ئېيتىشقان ھالدا دۈشمەن تەرەپكە ئېتىلدى، قۇياش كۆتۈرۈلگىچە ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

«قۇياش كۆتۈرۈلگەندە بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ مەكتۇپ يازدۇق. خۇشخەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر مەدىنىگە يېتىپ بېرىپ دەل شۇ كېچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات قىلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. لېكىن ئۇلار يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە ئەسۋەدنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ۋەھىي چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بولغانلىقىنىمۇ بىلىپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: ‹ئەسۋەد كەچتە ئۆلتۈرۈلدى، ئۇنى مۇبارەك ئائىلىدىن بولغان مۇبارەك ئادەم ئۆلتۈردى› دەپتۇ. ساھابىلەر: ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ كىم؟› دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئۇ فەيرۇز!… فەيرۇز غەلىبىگە ئېرىشتى!› دېگەن.

ئاللاھ فەيرۇز ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىغا كاتتا ئەجىرلەرنى ئاتا قىلغاي!

ئەگەر سەن كىسرانىڭ بىر جۈپ بىلەيزۈكىنى سالساڭ قانداق بولۇپ كېتەرسەن؟

  • مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.