4-قىسىم: ئۆمەيردىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدقىچە (31–40-ساھابىلەر)
This content is not yet available in your language.
ئۆمەير ئىبنى سەئد
بۆلۈم: “ئۆمەير ئىبنى سەئد”ياش يىگىت ئۆمەير ئىبنى سەئد ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا، يېتىملىك ۋە كەمبەغەللىك قاچىسىدىن سۇ ئىچتى. دادىسى ئۇنىڭغا ھېچقانداق مال- دۇنيا ياكى ھامىي بولغۇچى قالدۇرماستىنلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئىدى. ئانىسى ئۇزۇن ئۆتمەي جۇلاس ئىبنى سۇۋەيىد ئىسىملىك ئەۋىس قەبىلىسىلىك بىر باي بىلەن توي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جۇلاس ئۆمەيرنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالدى.
ئۆمەير جۇلاستىن، ئۆزىنىڭ يېتىملىكىنى ئۇنتىغىدەك دەرىجىدە ياخشىلىق، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە چەكسىز مېھرىبانلىققا ئېرىشتى. جۇلاس ئۆمەيرگە ئۆز بالىسىدەك كۈيۈنەتتى. ئۆمەيرمۇ ئۇنى ئۆز دادىسىدەك ياخشى كۆرەتتى.
ئۆمەير چوڭايغانسېرى جۇلاس ئۆمەيرنىڭ ھەر بىر ئىش- پائالىيىتىدىن كۆرۈلۈپ تۇرغان چىچەنلىك، ئەقىل-پاراسەت ئالامەتلىرىنى، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى سەمىمىيەت ۋە ئىشەنچلىك خىسلەتلەرنى كۆرگەندە ئۆمەيرگە بولغان مۇھەببىتى ۋە قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.
ياش يىگىت ئۆمەير ئىبنى سەئد ئىسلام كەلتۈردى. بۇ چاغدا ئۇ تېخى يېشى ئەمدىلا ئوندىن ئازراقلا ئاشقان بالا ئىدى. ئىمان ئۇنىڭ يۇمران قەلبىگە ئورۇنلاشتى، ئىسلام ئۇنىڭ پاك سۈزۈك قەلبىدە مۇنبەت تۇپراقنى تېپىپ ئۇنىڭ بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىغىچە سىڭىپ كىردى. ئۇ گەرچە يېشى كىچىك بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشتىن كېچىكىپ قالمايتتى.
ئانىسى ئۇنىڭ بەزىدە دادىسى بىلەن بەزىدە ئۆزى يالغۇز ھالدا مەسجىدكە بېرىپ- كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە چەكسىز سۆيۈنەتتى. ياش يىگىت ئۆمەيرنىڭ ھاياتى مانا مۇشۇ تەرىقىدە تىنچ- خاتىرجەم ئۆتۈۋەردى، ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتمىدى. ئاللاھ، بالاغەتكە يېقىنلىشىپ قالغان بۇ يىگىتنى ئەڭ قاتتىق، رەھىمسىز بىر سىناققا ئۇچرىتىشنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دېمەتلىك ياشلارغا كەمدىن- كەم ئۇچرايدىغان بىر سىناق بىلەن سىناشنى خالىدى.
ھىجىرىيەنىڭ 9-يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇكتا رۇملۇقلار بىلەن جەڭ قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ۋە مۇسۇلمانلارنى بۇ ئىشقا تەييارلىنىشقا بۇيرۇدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر جەڭ قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئورنىنى ئاشكارىلىمايتتى. لېكىن، تەبۇكتا ئۇنداق قىلمىدى. سەپەر يىراق، جاپا ئېغىر، دۈشمەن كۈچلۈك بولغاچقا كىشىلەر ئۆز ئىشىدىن خەۋەر تېپىپ، تولۇق تەييارلىنىشى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى كىشىلەرگە ئاشكارلىدى.
گەرچە ياز كىرىپ، تومۇز تازا كۈچەيگەن، مېۋىلەر مەي باغلىغان، قەلبلەر راھەت ئېلىش ۋە سۇسلۇق قىلىشقا مايىل بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ تەييارلىققا كىرىشىپ كېتىشتى.
لېكىن بىر ئۇچۇم مۇناپىقلار كىشىلەرنىڭ ئىرادىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، رىغبەتلىرىنى سۇسلاشتۇرۇشقا، قەلىبلەردە گۇمان قوزغاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا سۆز چۆچەك تارقىتىشقا باشلىدى. ئۇلار خۇسۇسىي سورۇنلاردا كۇفۇرلۇققا ئېلىپ بارىدىغان سۆزلەرنى قىلىشاتتى.
قوشۇن سەپەرگە ئاتلىنىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى ياش يىگىت ئۆمەير نامازدىن ئۆيىگە كېتىۋېتپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن ياردەم بۇيۇملىرى تەقدىم قىلىۋاتقان بىر سورۇننى كۆرۈپ قالدى. ئۇ مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىلىرىغا قويۇشقانلىقىنى، ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ مىڭ دىنار ئالتۇن بار بىر ھەمياننى ئېلىپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەرگەنلىكىنى، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەفنىڭ ئىككى ئۇقىيە يۈز ئالتۇننى يۈدۈپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا تۆككەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.
ئۇ يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۇرۇشقا قىلىچ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىدىكى يوتقان ـ كۆرپىلىرىنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۆمەير بۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەردىن تەسىرلەندى. ئۇ ئۆگەي دادىسى جۇلاسىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جەڭگە ھازىرلىنىشقا ئالدىرمايۋاتقانلىقىنى، باي تۇرۇقلۇقمۇ مال تەقدىم قىلمايۋاتقانلىقىنى ئويلاپ بۇنىڭغا ھەيران بولدى. ئۇ جۇلاسنىڭ كۆڭلىدە بۇ ياخشىلىققا قارىتا ئىلھام ۋە قىزغىنلىق قوزغىتىش ئۈچۈن كۆرگەنلىرىنى ۋە ئۆزىگە تېخىمۇ بەك تەسىر قىلغان تۆۋەندىكى ۋەقەلىكنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى. ئۇ ۋەقە مۇنداق ئىدى.
بىرقانچە مۆمىنلەر ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇرۇشقا بېرىش ئۈمىدى بارلىقىنى ئېيتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالۋۇرۇپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ مىنىدىغان ئۇلىغى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى قايتۇرۋەتتى. ئۇلار جىھاد قىلىپ شېھىتلىككە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكلىرىدىن قايغۇرۇپ كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈلگەن ھالدا قايتىشقان ئىدى.
ئۆمەير ئاجايىپ تەسىرلىك بۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئاز- تولا بايان قىلا-قىلمايلا جۇلاسنىڭ ئاغزىدىن ئۆمەير ئاڭلاشنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان:
- ئەگەر مۇھەممەد پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت بۇ داۋاسىدا راستچىل بولسىلا، بىز ئېشەكتىنمۇ بەتتەر كۈنگە قالغىدەكمىز،- دېگەن سۆز چىقتى.
ئۆمەير ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ سۆزگە ناھايىتى ھەيران قالدى. چۈنكى، ئۇ جۇلاستەك ياشتىكى ئەقلى ھوشى جايىدا بىر ئادەمنىڭ ئىماندىن چىقىرىپ كۇفرى دەرۋازىسىغا كىرگۈزىۋېتىدىغان بىر سۆزنى قىلىپ قېلىشىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدى.
ياش يىگىت ئۆمەير ئويلىنىشقا باشلىدى. ئۇ سۈكۈت قىلسا، ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى يوشۇرسا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرىگە خىيانەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى، مۇناپىقلار ھالاك بولۇشىنى قەستلەۋاتقان ئىسلام دىنىغا زىيان يېتىدىغانلىقىنى، ناۋادا جۇلاسنىڭ بۇ سۆزىنى يوشۇرماي ئاشكارىلىۋەتسە ئۆزىنى كۆز قارچۇغىسىدەك بېقىپ چوڭ قىلىۋاتقان بۇ ئادەمگە نانكورلۇق قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئويلىدى. جۇلاس ئۆمەيرنى يېتىملىك ھالىتىدە قوينىغا ئېلىپ، يوقسۇللۇق ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلغان ئىدى. ئۇ قانداق قىلىش ھەققىدە ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن بىر قارارغا كەلدى-دە، ئاخىردا جۇلاسقا قاراپ:
- ئى جۇلاس! سەن مەن ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالسىلا ئەڭ سۆيۈملىكىسەن. سەن ماڭا ئەڭ كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭ، سەن مېنىڭ يېقىن كىشىم، سەن شۇنداق بىر سۆزنى قىلدىڭكى، ناۋادا مەن بۇ سۆزنى ئاشكارىلىۋەتسەم، سېنى رەسۋا قىلغان بولىمەن. ئەگەر ئۇنى يوشۇرسام ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولۇپ، ئۆزۈمنى ۋە دىنىمنى تۈگەشتۈرىمەن، شۇڭا، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىپ سۆزۈڭنى ئۇنىڭغا دېيىش نىيىتىگە كەلدىم. سەن بۇنىڭدىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ قالغىن، - دېدى-دە، مەسجىدكە كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جۇلاسنىڭ دېگەن سۆزىنى دەپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەيرنى يېنىدا ئېلىپ قېلىپ جۇلاسنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى.
جۇلاس كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
-
ئى جۇلاس، مەن سېنىڭ دېگەنلىكىڭنى ئۆمەيردىن ئاڭلىغان بۇ سۆزگە نېمە دەيسەن؟- دەپ ئۆمەير خەۋەر بەرگەن ھېلىقى سۆزنى ئۇنىڭغا قايتا ئەسكەرتىپ قويدى.
-
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ ماڭا بوھتان چاپلاپتۇ، تۆھمەت قىلىپتۇ، مەن بۇ سۆزلەرنىڭ بىرنىمۇ ئېغىزىمدىن چىقارمىدىم، - دېدى.
ئەتراپتىكى كىشىلەر كۆزلىرىنى بىردەم ئۆمەيرگە بىردەم جۇلاسقا تىكىشكە باشلىدى. ئۇلار زادى كىمنىڭ راست گەپ قىلغانلىقىنى ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن بىلمەكچى بولغاندەك قىلىشاتتى. ئۇلار پىچىرلىشىشقا باشلىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە دىلىدا مۇناپىقلىقلىرى بار كىشىلەردىن بىرى: ‹ئۇ بالا ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان تۇزكور بالا ئىكەن› دېسە باشقا مۇسۇلمانلار ‹بۇ بالا ئاللاھقا بويسۇنۇش ئەقىدىسىدە چوڭ بولغان بالا ئىكەن، ئۇنىڭ چىرايىدىن راستچىلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ› دېيىشەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەيرگە قارىدى. ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ، كۆزلىرىدىن ئاققان ياش مەڭزىلىرىنى بويلاپ ئېقىپ مەيدىسىگە چۈشىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ چاغدا ئۇ:
- ئى ئاللاھ، مەن خەۋەر قىلغان بۇ سۆزنىڭ راستلىقىغا بىر پاكىت چۈشۈرسەڭ!… ئى ئاللاھ، مېنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزگەن خەۋىرىمنىڭ راستلىقىغا پاكىت چۈشۈرسەڭ… - دەپ تەكرار ـ تەكرار ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشقا باشلىدى.
بۇ چاغدا جۇلاس ئورنىدىن تۇرۇپ:
- ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئۆز سۆزۈمنىڭ راستلىقى ھەققىدە ساڭا قەسەم قىلىپ بېرەي! ئۆمەيرنىڭ ساڭا دېگەن سۆزىنى دېمىگەنلىكىمگە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەن! - دېدى.
ئۇ قەسەم قىلىپ بولىشىغىلا كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى، ئۆمەيرگە تىكىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى جىمجىتلىق باستى. ساھابىلەر ۋەھىي چۈشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى ۋە سۈكۈتكە چۆمدى. ئۇلارنىڭ نەزىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا باغلىنىپ قالغان ئىدى.
جۇلاسنى قورقۇنچ ۋە ئەنسىزلىك باستى، ئۆمەيرنىڭ چىرايىدا ئۈمىدۋارلىق ۋە تەلپۈنۈش ئالامەتلىرى جىلۋە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىنى تىلاۋەت قىلدى: (ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزنى ئېيتتى(
جۇلاس بۇ ئايەتنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن تىترەپ كەتتى، قورقۇنچتىن ئۇنىڭ تىللىرى گەپكە كەلمەي قالدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاراپ:
- ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن تەۋبە قىلاي! مەن تەۋبە قىلاي! مەن تەۋبە قىلاي! ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۆمەير راست ئېيتتى، مەن يالغانچى بولدۇم، ئاللاھتىن مېنىڭ تەۋبەمنىڭ قوبۇل بولۇشىنى تىلەپ بەرسەڭ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ساڭا جېنىم پىدا بولسۇن! - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەيرگە قارىدى. خۇشاللىق ياشلىرى ئۇنىڭ ئىمان نۇرىدا نۇرلانغان يۈز- كۆزلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك قولىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا سوزۇپ تۇرۇپ:
- ئى بالا! بۇ قۇلىقىڭ ئاڭلىغان نەرسىگە ۋاپا قىلدى، سەن پەرۋەردىگارىڭغا سەمىمىي بولدۇڭ،- دەپ قۇلىقىنى تۇتۇپ قويدى.
جۇلاس ئىسلامغا يەنە بىر قېتىم قايتتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كەتتى. ساھابىلەر جۇلاسنىڭ ئۆمەيرگە قىلغان ياخشىلىقىدىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تۈزەلگەنلىكىنى بىلىشتى. ھەر قېتىم ئۆمەير تىلغا ئېلىنسا جۇلاس:
- ئاللاھ مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۆمەيرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن. ئۇ مېنى كۇپۇرلۇقتىن قۇتقۇزدى. دوزاختىن ئازاد قىلدى، - دەيتتى.
بۇ تېخى ئۆمەيرنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ئەڭ جۇلالىق كۆرۈنىشلەر ئەمەس. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل كۆرۈنىشلەردىن خەۋەر تېپىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى كۆرۈنۈشلەر بىلەن ئۇچرىشايلى.
مەجزە ئىبنى سەۋرۇس سەدۇسى
بۆلۈم: “مەجزە ئىبنى سەۋرۇس سەدۇسى”مەجزە، قەيسەر ئادەم، ئۇ يەكمۇيەك ئۇرۇشۇپ يۈز مۇشرىكنى ئۆلتۈردى. ئۇنداقتا ئۇنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا ئۆلتۈرگەنلىرىنىڭ سانىنى قانداق بىلەلەيسىز؟
- تارىخشۇناسلاردىن
ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدلارنىڭ ـ ئۈستى بېشىدا قادىسيە جېڭىنىڭ توپا چاڭلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئۇلار ئاللاھ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نۇسرەتتىن خۇرسەن بولغان، جەڭدە شېھىت بولغان مۇجاھىد قېرىنداشلىرىغا بېرىلىدىغان ئەجرىگە ئىشتىياق باغلىغان ھالدا، چوڭ ۋە قاتتىقلىقىدا قادىسىيە جېڭىدىن قېلىشمايدىغان بولغۇسى جەڭ، يەنى كىسرانىڭ تەختىنى كۆككە سورۇيدىغان جەڭگە ھازىرلىنىپ خەلىپە ئۆمەرنىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرۇشاتتى.
ياخشىلارنىڭ كۆتۈشى ئۇزۇنغا بارمىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خەلىپە ئۆمەرنىڭ ئەلچىسى مەدىنىدىن كۇفىغا يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭدا خەلىپە ئۆمەرنىڭ كۇفىنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى ۋالىيسى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىگە يازغان، «ھورمۇزان» نى قوغلاپ تۇتۇش ۋە ئۇنى يوقىتىش، كىسرا تاجىسىنىڭ گۆھىرى، پارس دىيارىنىڭ مەرۋايىتى بولغان «توستەر» شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان قوشۇنىنى تەشكىللەپ، بۇسرادىن كېلىدىغان مۇسۇلمان قوشۇنى بىلەن ئۇچۇرۇشۇش، ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە ئەھۋازغا مېڭىش توغرىسىدا يوللىىغان بۇيرۇق خېتى بار ئىدى. بۇ خەتتە يەنە ئەبۇ مۇسانىڭ بەكرى قەبىلىسىنىڭ كاتتىسى، ھەم بويسۇنغان باشلىقى باتۇر چەۋەنداز مەجزەتو ئىبنى سەۋرس سەدۇسىنى بىرگە ئېلىۋېلىشنى تاپىلىغان مەزمۇن بار ئىدى.
ئەبۇ مۇسا بۇيرۇققا بىنائەن قوشۇن تەييارلاپ مەجزە سول تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بوسرادىن كەلگەن مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، بىرلىكتە نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.
ئۇلار شەھەرلەرنى فەتھى قىلىپ، ئىستىھكاملارنى ئىگىلەشكە باشلىدى. ھورمىزان ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قېچىپ توستەر شەھىرىگە كىرىۋېلىپ ئۇ يەردە ئۆزىنى مۇداپىئە ئاستىغا ئالدى.
بۇ يەر، يەنى توستەر پارس شەھەرلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ گۈزەل، ھاۋاسى ئەڭ ئىللىق، مۇداپىئە ئىستىھكامى ئەڭ كۈچلۈك شەھەر ئىدى. بۇ شەھەر تارىختىكى مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئېگىز بىر تۆپۈلۈككە ئات شەكىلىدە سېلىنغان ئىدى. بۇ شەھەر دىجلە دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن تەمىنلىنەتتى. شەھەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە دەريا سۈيىنى يەر ئاستى يولى بىلەن شەھەرگە ئېقىتىپ كىرگۈزىدىغان تونېللىرىنىڭ ئېغىزى بار ئىدى. بۇ تونېللار ناھايىتى پۇختا تاش بىلەن قوپۇرۇلغان بولۇپ، پولات تۈۋرۈكلىرى قۇيۇلغان قوغۇشۇن بىلەن قاتۇرۇلغان ئىدى. شەھەرنىڭ ئەتراپىنى بولسا مۇستەھكەم سېپىللار قورشاپ تۇراتتى. تارىخشۇناسلار ئۇنى يەر يۈزىدىكى ئەڭ بۇرۇن بىنا قىلىنغان، شۇنداقلا ئەڭ زور سېپىل، دەپ قارايدۇ.
ھورمۇزۇن بۇ يەردىن ئۆتكۈچىلەرنى توسۇش ئۈچۈن سېپىل ئەتراپىغا چوڭ خەندەك كولاتتى. سېپىل ئارقىسىغا بولسا پارس قوشۇنىدىن خىللانغان ئەسكەرلەرنى تۇرغۇزدى.
مۇسۇلمانلار قوشۇنى خەندەكتىن بۆسۈپ ئۈتەلمەي 18 ئاي تۇردى. بۇ جەرياندا ئۇلار بىلەن سەككىز قېتىم جەڭ قىلدى. ھەر بىر قېتىملىق جەڭ ئاۋۋال ئىككى تەرەپنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى يەكمۇ- يەك تۇتۇشۇش بىلەن باشلىنىپ، ئاخىر ئومۇمىي بولغان شىددەتلىك جەڭگە ئايلىناتتى.
مەجزەئە يەكمۇ- يەك ئېلىشىشلاردا ئەقىللەرنى لال قىلغۇدەك، دۈشمەننى ساراسىمىگە سېلىۋەتكىدەك دەرىجىدە قەھرىمانلارچە ئېلىشتى. ھەم بۇ يەكمۇ -يەك ئېلىشىشتىلا دۈشمەن ئاتلىق قوشۇنىدىن يۈز باتۇرنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئۇنىڭ نامى پارس قوشۇنى ئىچىدە قورقۇنچ، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئىچىدە پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ئىسىمغا ئايلاندى. مانا مۇشۇ چاغدا مۆمنلەرنىڭ باشلىقى ئۆمەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئېلىۋىلشقا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئەينى ۋاقىتتا چۈشەنمىگەنلەر چۈشەندى.
سەككىزىنچى قېتىملىق ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار قوشۇنى پارس قوشۇنى ئۈستىگە شىددەت بىلەن يوپۇرۇلۇپ كەلدى. پارس قوشۇنى تەڭ كېلەلمەي خەندەك ئۈستىدىكى كۆۋرۈكنى تاشلاپ شەھەر ئىچىگە كىرىپ بېكىنىۋالدى.
زور چىدامچانلىقلاردىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى يامانلاشقىلى تۇردى. پارس قوشۇنلىرى ئۇلارغا سېپىل ئۈستىدىن يامغۇردەك ئوق ئېتىشقا باشلىدى. ھەر بىر زەنجىرنىڭ ئۇچىدا، قاتتىق قىزىتىلغانلىقتىن ئوت يالقۇنجاپ تۇرغان قارماقلار بار ئىدى. مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىن بىرەرسى سېپىلغا چىقماقچى ياكى يېقىنلاشماقچى بولسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى قارماقلىرىغا ئىلىپ تارتاتتى، نەتىجىدە ئۇ كىشىنىڭ جەسىتى كۆيۈپ، گۆشلىرى كاۋاپ بولۇپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇراتتى.
مۇسۇلمانلارغا قىيىنچىلىق تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى بۇ قىيىنچىلىقنى كۆتۈرىۋېتىشى ئۈچۈن، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە ئاتا قىلىشنى ئاللاھتىن تىلەپ دۇئا قىلىشقا باشلىدى.
ئەبۇ مۇسا توستەر سېپىلى ئىچىگە كىرىشتىن ئۈمىدسىزلىنىپ، سېپىل توغرىسىدا خىيال قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا سېپىل ئۈستىدىن ئېتىلغان بىر تال ئوق ئۇچۇپ چۈشتى. ئوق ئۇچىدا بىر بارچە خەت بار بولۇپ ئۇنىڭدا: «ئى مۇسۇلمانلار! مەن سىلەرگە ئىشەندىم. مەن جېنىم، مېلىم، ئائىلەم ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەرگە سىلەردىن ئەمىنلىك سورايمەن، مەن سىلەرگە شەھەرگە كىرگىلى بولىدىغان ئېغىزىنى كۆرسىتەي» دەپ يېزىلغانكەن.
ئەبۇ مۇسا خەت ئىگىسىگە دەرھال ئامانلىق بېرىپ جاۋاب خەت يازدى. (ئوق بىلەن ئاتتى)
ھېلىقى ئادەم مۇسۇلمانلارنىڭ ۋاپادارلىقى، سەمىمىيىتىنى بىلگەچكە، مۇسۇلمانلارغا ئىشەندى ۋە كېچىدە يوشۇرۇن چىقىپ، ئەبۇ مۇساغا ئۆز ئىشىنىڭ ھەقىقىتىنى سۆزلەپ:
- بىز رەھبەرلەردىن ئىدۇق، ھۇرموزان ئاكامنى ئۆلتۈرۈپ، ماللىرىنى، ئائىلىسىنى بۇلاپ كەتتى. ماڭا ئۆچمەنلىك ساقلاۋاتىدۇ، مەن ئۆزۈم ئائىلەمدىن خاتىرجەم بولالمايدىغان بولۇپ قالدىم، مەن ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا، سىلەرنىڭ ۋاپادارلىقىڭلارنى تاللىدىم. ھەم سىلەرگە شەھەرگە كىرگىلى بولىدىغان يوشۇرۇن ئېغىزنى كۆرسىتىپ قويۇش نىيىتىگە كەلدىم، - دېدى.
ماڭا قەيسەر، ئەقىللىق بىر كىشىنى بەرگىن، مېنىڭ يول باشلىشىم ئۈچۈن، ئۇ سۇ ئۈزەلەيدىغان بولسۇن.
ئەبۇ مۇسا، مەجزەئەنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭغا:
-
ماڭا ئەقىللىق، ئىرادىلىك، سۇ ئۈزەلەيدىغان بىر ئادىمىڭ بىلەن ياردەم قىل، - دېدى.
-
ئى باشلىق! مانا مەن بار، مېنى ئىشلەتكىن، - دېدى مەجزەئە.
-
ئەگەر خالىساڭلا ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن، - دېدى ئەبۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭغا بارغان يولىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش، بىرەر ۋەقە پەيدا قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلدى. مەجزەئە پارسلىق يول باشلىغۇچى بىلەن قاراڭغۇدا يۈرۈپ كەتتى. ئۇ كىشى ئۇنى دەريا بىلەن شەھەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان يەر ئاستى تونىلىغا ئەكىردى.
تونىل بەزىدە كېڭىيىپ، چوڭقۇرلىشىپ، ئادەم ئۆرە تۇرسىمۇ چۆكۈپ تۇرسىمۇ بولىدىغاندەك قىلغان بىلەن يەنە بەزىدە تارىيىپ كىشىنى سۇ ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلاتتى، بەزىدە ئەگىپ ماڭسا، يەنە بەزىدە تۈز ماڭاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەھەرگە چىقىدىغان ئېغىزغا يەتتى، ئۇ كىشى مەجزەئەگە ھۇرموزاننىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ قويدى.
مەجزەئە ھۇرمۇزاننى كۆرۈپ، بىر ئوق بىلەن ئۇجۇقتۇرۇش نىيىتىگە كەلدى ـ يۇ، لېكىن ئەبۇ موسانىڭ نەسىھىتىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، ئۇ تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى كەلگەن يېرىگە قايتىپ كەتتى.
ئەبۇ مۇسا مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىن، باتۇر، چىداملىق، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر ئادەملەردىن 300 نى تاللاپ، مەجزەئەنى ئۇلارغا باشلىق قىلىپ كۆپلىگەن نەسىھەتلەر بىلەن ئۇزىتىپ قويدى ۋە تەكبىرنى مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرگە بېسىپ كىرىشىنىڭ بەلگىسى قىلدى.
مەجزەئە قول ئاستىدىكى بۇ ئادەملەرنى سۇ ئۈزۈشتە يەڭگىل بولۇشى ئۈچۈن كىيىم ـ كېچەكلىرىنى يەڭگىل كىيىشكە، قىلىچتىن باشقا قورال ئالماسلىقا بۇيرۇپ ئەل ياتقۇ بىلەن يولغا چىقتى.
مەجزەئە ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى خەتەرلىك تونېلدا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئىلىشىش بىلەن يول يۈردى. بەزىدە تونىل ئۇلار ئۈستىدىن غالىپ كەلسە بەزىدە ئۇلار تونىل ئۈستىدىن غالىپ كەلدى. ئۇلار شەھەر ئېغىزىغا يېتىپ كەلگەندە مەجزەئە ئۆز ئادەملىرىدىن 220 ئادەمنى تونېلدا يۇتۇپ كېتىپ، ئارانلا 80 ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى بىلدى.
مەجزەئە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئايىغى شەھەر زېمىنىغا تېگىشى ھامانلا ئۇلار قىلىچلىرىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، سېپىل دەرۋازىسىنى قوغداۋاتقان دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئاندىن دەرۋازىنى تەگبىر ئېيتقان ھالدا ئاچتى. ئۇلارنىڭ تەگبىرى سىرتتىكىلەرنىڭ تەگبىرى بىلەن بىرلەشتى. مۇسۇلمانلار بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى بىلەن شەھەرگە بۆسۈپ كىردى.
ئۇلار بىلەن دۈشمەنلەر ئارىسىدا شۇنچىلىك قاتتىق جەڭ بولدىكى، جەڭ تارىخشۇناسلىرى: شىددىتى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەھەتتىن تارىختا بۇنداق جەڭ بولمىغان دەپ باھا بېرىشكەن. شىددەتلىك جەڭ بولۇۋاتقاندا مەجزەئە ھورمۇزاننى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى. بىراق تۇيۇقسىزلا جەڭ قاينىمى ھورمۇزاننى يۇتۇپ كەتتى ـ دە، بىرئاز ئۆتۈپ يەنە پەيدا بولدى. ئىككىيلەن قاتتىق ئىلىشتى. ئۇلار بىر بىرىگە قارىتىپ قىلىچ ئۇرغان ئىدى، مەجزەئەنىڭ قىلىچى قېيىپ كېتىپ ھورمۇزانىڭ قىلىچى مەجزەئەنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
باتۇر، قەيسەر مەجزەئە جەڭ مەيدانىدا يىقىلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ دىلى ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئاتا قىلغان بۇ غەلىبىسى بىلەن خۇرسەن ھالدا كۆز يۇمدى.
مۇسۇلمانلار قوشۇنى باتۇرلۇق بىلەن جەڭنى داۋام قىلىپ، ئاخىرى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ھورمۇزاننى ئەسىرگە ئالدى.
مەدىنىدىكى خەلىپە ئۆمەرگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئادەملەر ماڭدى. ئۇلار خەلىپىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغان ھورمۇزاننىڭ بېشىغا ئۈنچە مەرۋايىتلار بىلەن زىننەتلەنگەن تاجى، ئۇچىسىغا ئالتۇن يىپلار بىلەن توقۇلغان ئېسىل تون كىيىىلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا سېلىنىپ ئېلىپ مېڭىلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن مەجزەئەگە بىلدۈرۈلگەن چوڭقۇر تەزىيە خەۋىرىنىمۇ ئېلىپ ماڭغان ئىدى.
ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھل
بۆلۈم: “ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھل”ئىكرىمە سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا مۆمىن مۇھاجىر ھالىتىدە كېلىدۇ، سىلەر ئۇنىڭ ئاتىسىنى تىللىماڭلار، ئۆلۈكنى تىللاش ھايات ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۆلۈككە يەتمەيدۇ.
-
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
-
مۇھاجىر يولۇچىنى قارشى ئالىمىز!
بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىكرىمەگە قىلغان سالىمى. ئۇ قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى، ئەڭ باي، نەسەبى ئېسىل كىشىسى ئىدى.
ئەگەر ئاتىسىنىڭ سەۋەبىدىن بولمىغان بولسا مەككىدىكى مەرتىۋىلىك ئائىلە پەرزەنتلىرىدىن سەئد ئىبنى ئەبۇۋاققاس، مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ تەڭتۈشلىرى ئىسلام كەلتۈرگىنىدەك، ئۇنىڭمۇ ياش چاغلىرىدا ئىسلام كەلتۈرۈشى ئېنىق ئىدى.
ئۇنداقتا، بۇ ئاتا زادى كىم؟!
ئۇ مەككىنىڭ چوڭ زۇمىگىرى، مۇشىرىكلارنىڭ بىرىنچى قول كاتتىۋېشى، ئاللاھ ئۇنىڭ جازالىشى بىلەن، مۆمىنلەرنىڭ راستچىللىقىنى سىنىغان، ئازاب ئىگىسى ئىدى. مۆمىنلەر ئازاب ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئىمانىدا راستچىل بولغان ئىدى.
مانا بۇ ئاتا ئەبۇجەھل، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك…
بۇ ئۇنىڭ ئاتىسى، ئەمما مەخزۇم قەبىلىسىدىن بولغان ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھل قۇرەيشلەرنىڭ ساناقلىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر باتۇر، چەۋەندازلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
ئىكرىمە ئۆزىنىڭ ئاتىسىنىڭ باشلىقلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن دۈشمەنلىشىشكە باشلىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قاتتىق دۈشمەنلەشتى. ساھابىلارغا چەكسىز ئەزىيەت يەتكۈزدى، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا، ئاتىسىنى خۇرسەن قىلغۇدەك ئازابلارنى سالدى.
بەدىر كۈنىسى ئاتىسى مۇشرىكلارغا قوماندانلىق قىلغاندا مۇھەممەدنى قورقاتمىغۇچە مەككىگە قايتماسلىققا، لات، ئۇززا بىلەن قەسەم قىلدى، بەدىردە تۆگىلەرنى بوغۇزلاش، ھاراق ئىچىش، چالغۇ -ئەسۋابلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ بېرىشتىن ئىبارەت، ئۈچ ئىشنى ئورۇنلاشتۇردى…
ئەبۇجەھل جەڭگە قوماندانلىق قىلىۋاتقاندا ئىكرىمە ئاتىسىنىڭ تايىنىدىغان يان تايىقى، ئۇ ئارقىلىق باشقىلارنى جازالايدىغان قولى بولدى.
لېكىن لات، ئۇززا ئەبۇجەھلنىڭ نىداسىنى ئاڭلىمىدى. چۈنكى، ئۇلار گاس ئىدى. ئۇنىڭغا جەڭدىمۇ ياردەم قىلمىدى. چۈنكى، ئۇ ئىككىسى ياردەم بېرىشتىن ئاجىز ئىدى…
ئەبۇجەھل بەدىر جېڭى قىلماستىن يىقىلدى. ئوغلى ئىكرىمە ئۆز كۆزى بىلەن ئۇنىڭ قېنىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىچى ئارقىلىق ئاققىنىنى كۆردى. ئاتىسىنىڭ لەۋلىرى ئارىسىدىن چىققان ئاخىرقى خىقىراشلىرىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىدى.
ئىكرىمە ئاتىسىنى بەدىردە قالدۇرۇپ قايتتى، مەغلۇبىيەت ئۇنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشتىن ئاجىز قىلغان، قېچىش ھەلەكچىلىكى ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى مۇسۇلمانلارغا قالدۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى.
مۇسۇلمانلار ئەبۇ جەھىلنىڭ جەسىتىنى نەچچە ئون قۇرەيشلىكلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن بىرگە قەلب قۇدۇقىغا تاشلاپ، قۇم بىلەن تىندۇرىۋەتتى.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئىكرىمە ئىسلام بىلەن باشقىچە قارشىلىشىشقا ئۆتتى، ئۇ بۇرۇن ئاتىسىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسلام بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئاتىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن دۈشمەنلىشىدىغان بولدى.
مۇشۇ سەۋەبتىن ئىكرىمە ۋە بەدىردە ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگەن بىر قانچە كىشىنىڭ ( مۇشرىكلارنىڭ) قەلبىدە مۇھەممەدكە نىسبەتەن ئاداۋەت قوزغاشقا، قۇرەيشلەرنىڭ قىساسكارلىرىنىڭ قەلبىگە قىساس ئوتىنى يېقىشقا باشلىدى. ئاخىرى ئوھۇد جېڭى بولدى.
ئىكرىمە ئوھۇدقا چىقتى. شۇنداقلا جەڭگە قىزىقتۇرۇش، ئاتلىقلار قاچماقچى بولسا، مۇستەھكەم قىلىشقا ئايالى ئۇممۇھەكىمنى بىر قانچە قىساسكار ئاياللار بىلەن سەپ ئارقىسىدا تۇرۇپ داپلارنى چېلىشقا ئېلىپ چىقتى.
قۇرەيشلەر ئاتلىقلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە خالىد ئىبنى ۋەلىدنى سول تەرىپىدە ئىكرىمەنى تۇرغۇزدى، بۇ ئىككى مۇشرىك چەۋەنداز بۇ كۈندە قاتتىق قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، قۇرەيشلىكلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرىغا بولغان ھۇجۇمىنى كۈچەيتىپ، مۇشرىكلار ئۈچۈن زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى، ھەتتا ئەبۇسۇفيان: «بۇ بەدىر كۈنىنىڭ ئورنىغا!…» دەپ كەتتى.
خەندەك كۈنى مۇشرىكلار مەدىنىنى ئوزون ۋاقىت مۇھاسىرىگە ئالدى، ئىكرىمەنىڭ سەۋرى- تاقىتى تۈگەپ مۇھاسىر قىلىۋېرىشكە چىدىيالمىدى. ئۇ خەندەكنىڭ تار يېرىدىن ئېتىنى چاپتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر قانچە تەۋەككۈلچىلارمۇ ئۆتتى، بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەمرى ئىبنى ئابدىلۋۇد ئامرى باردى… ئىكرىمە شۇنداق قىلىپ قېچىپ قۇتۇلدى.
فەتھى كۈنى قۇرەيشلەر رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، مەككە يولىنى بىكارلاپ بېرىش قارارىغا كەلدى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قارار چىقىرىشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇماندانلىرىنى مەككىلىكلەردىن ئۆزلىرىگە قارشى چىقمىغانلار بىلەن ئۇرۇشماسلىققا بۇيرۇغانلىقىنى بىلگەنلىكى سەۋەب بولغان ئىدى.
لېكىن ئىكرىمە ۋە بىر قانچە كىشى بىرلىشىپ، چوڭ قوشۇننىڭ ئالدىنى توستى، خالىد ئىبنى ۋەلىد كىچىك جەڭدە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى، ئۇلاردىن قارشىلاشقىنى ئۆلدى، قاچقانلىرى قېچىپ قۇتۇلدى، قاچقۇنلار قاتارىدا ئىكرىمەمۇ بار ئىدى.
ئىكرىمەنىڭ بېشى قاتتى ۋە پۇشايمان قىلدى…
بۆلۈم: “ئىكرىمەنىڭ بېشى قاتتى ۋە پۇشايمان قىلدى…”مەككە مۇسۇلمانلارغا بويسۇنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تار كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بورۇن ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى ئەپۇ قىلدى…
لېكىن بىر قانچە كىشى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاپ، گەرچە كەئبنىڭ پەردىسى ئاستىدىن تېپىلسىمۇ، ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى، بۇ بىر قانچە كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ بېشىدا ئىكرىمەمۇ بار ئىدى. شۇڭا ئۇ يوشۇرۇن ھالدا مەككىدىن چىقىپ يەمەنگە يول ئالدى. چۈنكى، ئۇ يەردىن باشقا ئۇنىڭ پاناھلىنىدىغان يېرى قالمىغان ئىدى.
بۇ چاغدا ئىكرىمەنىڭ ئايالى ئۇممۇھەكىم، ئۇتبەنىڭ قىزى ھىندى ۋە ئون ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئىككى ئايالى ۋە قىزى پاتىمە، ئابدۇلمۇتەللىب جەمەتىدىن بىر قانچە ئايال بار ئىدى، ھىندى يۈزىنى يۆگىگەن ھالدا سۆزلىدى:
- ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۆزى ئۈچۈن تاللىغان دىننى ئاشكارا قىلغان ئاللاھ تائالاغا مەدھىيىلەر بولسۇن! مەن سەندىن ماڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشۇڭنى سورايمەن، مەن ئىمان ئېيتقۇچى، راستىچل ئايال، - دەپ يۈزىنى ئېچىپ، - مەن ئۇتبەنىڭ قىزى ھىندى، - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
سىزنى قارشى ئالىمىز، - دېدى.
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! يەر يۈزىدە مەن خار بولۇشىنى سېنىڭ ئۆيۈڭدەك ئارزۇ قىلىدىغان ئۆي يوق ئىدى، ئەمدىلىكتە زېمىندا سېنىڭ ئۆيۈڭدەك ئۇلۇغ بولۇشنى تىلەيدىغان ئۆي يوق بولۇپ قالدى!
-
تېخىمۇ زىيادە بولسۇن، - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
ئاندىن ئىكرىمەنىڭ ئايالى ئۇممۇھەكىم ئىسلام كەلتۈردى ۋە:
-
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىكرىمە سېنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭدىن ئەنسىرەپ، يەمەنگە قاچتى، سەن ئۇنىڭغا ئەمىنلىك بەرسەڭ، ئاللاھ سېنىمۇ ئەمىن قىلسۇن! - دېدى.
-
ئۇ ئەمىنلىككە ئېرىشكۈچىدۇر.
-
ئۇممۇھەكىم شۇ چاغدىلا ئېرى ئىكرىمەنى ئىزدەپ ماڭدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇملۇق بىر خىزمەتكارى بار ئىدى، ئۇ ئىككىيلەن يولدا كېتىۋاتقاندا، خىزمەتكار ئۇنى ئۆزىگە تەلەپ قىلدى، ئۇممۇھەكىم ئۇنى ئۈمىدلەندۈرۈپ ۋاقىتنى ئۇزارتىشقا باشلىدى، تاكى ئەرەبلەرنىڭ بىر كەنتىگە كېلىپ، ئۇ ئەرەبلەردىن ياردەم سورىدى، كىشىلەر بۇ نىيىتى بۇزۇق خىزمەتكارنى باغلاپ، ئۆز يانلىرىدا ئېلىپ قالدى.
ئۇممۇھەكىم يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىكرىمەنى تىھامەدىكى دېڭىز بويىدىن تاپتى، ئۇ بىر مۇسۇلمان كېمىچى بىلەن ئۆزىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقان ئىكەن:
- سېنى ئۆتكۈزۈپ قويۇشۇم ئۈچۈن پاكلان! - دېدى ئۇ كېمىچى.
- قانداق پاكلىنىمەن؟ - سورىدى ئۇ.
-
بىر ئىلاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، - دەپ گۇۋاھلىق بېرىسەن.
-
مەن مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا قاچقان ئىدىم.
-
بۇلار سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇممۇھەكىم ئىكرىمەنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
-
ئى تاغامنىڭ ئوغلى! مەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى، ياخشىسى، ئېسلىنىڭ يەنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ قېشىدىن كەلدىم… ۋە ئۇنىڭدىن ساڭا ئەمىنلىك تەلەپ قىلدىم، ئەمىنلىك بەردى، ئۆزۈڭنى ھالاك قىلما، - دېدى.
-
سەن ئۇنىڭغا گەپ قىلدىڭمۇ؟
-
شۇنداق، ئۇنىڭغا گەپ قىلدىم، ئۇ ساڭا ئەمىنلىك بەردى، - دەپ ئىكرىمەنى ئۈمىدلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن قايتتى.
ئۇممۇھەكىم ئۇنىڭغا رۇملۇق خىزمەتكارنىڭ ئەسكىلىكىنى ئېيتتى، ئىكرىمە خىزمەتكارى بار جايدىن ئۆتكەندە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ئۇلار كېتىۋېتىپ، بىر جايغا كەلگەندە، ئىكرىمە ئايالىغا خالىي بولۇش تەلىپىنى قويدى. لېكىن ئۇممۇھەكىم قاتتىق قارشىلىق تەلەپپۇزىدا:
-
ياق، مەن مۇسۇلمان، سەن مۇشرىك، - دېدى
-
سەن بىلەن مېنىڭ خالىي بولۇشۇمغا توسالغۇ بولىدىغان نەرسە نېمىدېگەن چوڭ؟! - دېدى ئىكرىمە.
ئىكرىمە مەككىگە يېقىنلاشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا:
- ئىكرىمە سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا مۆمىن مۇھاجىر بولۇپ كېلىدۇ، سىلەر ئۇنىڭ ئاتىسىنى تىللىماڭلار، ئۆلۈكنى تىللاش، ھايات ئادەمگە ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ. ئۆلۈككە يېتىپ بارالمايدۇ، - دېدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئىكرىمە ئايالى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغان جايغا يېتىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپلا، رىداسىنىمۇ كېيمەستىنلا خۇشاللىقىدا ئۇنىڭ قېشىغا باردى… پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغاندا، ئىكرىمە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ:
-
ئى مۇھەممەد! ئۇممۇھەكىم سېنىڭ ماڭا ئەمىنلىك بەرگىنىڭنى خەۋەر قىلدى، - دېدى.
-
راست ئېيتىپتۇ، سەن ئەمىنلىككە ئېرىشتىڭ، - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
-
مېنى نېمىگە چاقىرىسەن؟
-
بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا، مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىشكە، ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، چاقىرىمەن، - دەپ، ئۇنىڭغا ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگەتتى، ئىكرىمە:
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن پەقەتلا ھەققە چاقىرىدىكەنسەن، ياخشىلىققا بۇيرۇيدىكەنسەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن دەۋەتكە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ راستچىل، ياخشى ئادەم ئىدىڭ، - دەپ قولىنى ئاچتى ۋە:
-
ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا، سېنىڭ شۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، سەن ماڭا مەن دەيدىغان ياخشى سۆزنى ئۆگىتىپ قويساڭ، - دېدى.
-
بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى، دېگىن، - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
-
ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟
-
ئاللاھ ۋە بۇ يەردىكى بارلىق كىشىلەرنى مېنىڭ ئىسلام كەلتۈرگۈچى، مۇجاھىد، مۇھاجىر ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق قىلىمەن، دېگىن، - دېدى. ئىكرىمە شۇنداق دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
-
مەن بۈگۈن ساڭا بەرگىلى بولىدىغان قانداقلا نەرسە سورىساڭ بېرىمەن، - دېدى.
-
مەن سېنىڭدىن، ئىلگىرى ساڭا قىلغان بارلىق دۈشمەنلىكىلىرىمنى، سەن بىلەن ئۇرۇشقان ئورۇنلارنى ۋە سەن بار ياكى يوق يېرىڭدە سەن توغرىلىق ئېيتقان بارلىق يامان سۆزلىرىمنى كەچۈرۈشىڭنى سورايمەن.
-
ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ ماڭا قىلغان بارلىق ئاداۋىتىنى، سېنىڭ نۇرۇڭنى ئۆچۈرمەكچى بولۇپ، ماڭغان ھەر بىر ئورۇننى، مېنىڭ بار ياكى يوق يەرلىرىمدە، قىلغان مېنىڭ ئابرۇيۇمغا مۇخالىپ سۆزلىرىنى كەچۈرۈم قىلغىن،…- دېدى.
ئىكرىمەنىڭ چىرايى خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
- ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ يولىدىن توساش ئۈچۈن قىلغان، نەپىقە قىلغان نەرسىلەرنى ئەمدى ھەسسىلەپ ئاللاھنىڭ يولىغا چىقىم قىلىمەن، ئاللاھ يولىدىن توسۇشقا قىلغان جەڭلىرىمنى، ئەمدى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھەسسىلەپ قىلىمەن، - دېدى.
ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، دەۋەت سېپىغا جەڭ قىلغۇچى باتۇر بىر چەۋەنداز، مەسجىدتە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى ئوقۇپ، كېچىسى تۇرىدىغان نامازخانلارغا قوشۇلدى، ئۇ قۇرئاننى پېشانىسىدە قويۇپ تۇرۇپ:
-
پەرۋەردىگارىمنىڭ كىتابى… پەردىگارىمنىڭ سۆزى… - دەپ ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ يىغلاپ كېتەتتى.
-
ئىكرىمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن ۋەدىسىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلىدى، ئىسلام كەلتۈرگەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار قىلغان ھەر قانداق جەڭلەرگە قاتناشتى، ھەر ئىشتا ئالدىدا ماڭدى.
يەرمۇك ئۇرۇشىدا ئىكرىمە خۇددى قىزىق كۈندە، ئۇسسۇز ئادەم سوغۇق سۇغا تەشنا بولغاندەك تەشنالىقتا جەڭگە كىردى.
بەزى جايلاردا مۇسۇلمانلارغا قىيىنچىلىق كۈچەيگەندە ئۇ ئاتتىن چۈشۈپ، قىلىچنىڭ غىلاپىنى سۇندۇرۇۋەتتى، رۇملۇقلار سېپىگە ئىچكىرىلەپ كىردى. خالىد ئىبنى ۋەلىد ئالدىراپ كېلىپ:
-
ئى ئىكرىمە! ئۇنداق قىلما، سېنىڭ ۋاپات بولۇشۇڭ مۇسۇلمانلارغا ئېغىر كېلىدۇ، - دېدى.
-
ئى خالىد! مېنى قويىۋەت، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن خېلى ئىلگىردىنلا بىرگە، ئەمما دادام بىلەن ئىككىمىز بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق قارشىلارشقانلار، مېنى قويىۋەت، مەن ئىلگىرى قىلغانلىرىمنى يۇيىمەن، مەن پەيغەمبەرگە قارشى نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى قىلدىم، ئەمدىلىكتە رۇملۇقلاردىن قاچىمەنمۇ؟! مەڭگۈ بۇنداق بولمايدۇ، - دېدى. ئاندىن كۆپچىلىككە قاراپ، - كىم ئۆلۈمگە بەيئەت قىلىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
400 مۇسۇلمان ئىچىدە ئۇنىڭ تاغىسى ھارىس ئىبنى ھىشام، زىرار ئىبنى ئەزۋەر قاتارلىقلار ئۇنىڭغا بەيىئەت قىلدى. خالىدنىڭ قارارگاھىنىڭ يېنىدا قاتتىق جەڭ قىلدى.
يەرمۇك ئۇرۇشى مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقاندا، ئۇلاردىن ئۈچ جەڭچى، يەرمۇك زېمىنىدا قاتتىق يارىلانغان ھالدا سوزۇلۇپ ياتاتتى، ئۇلار ھارىس ئىبنى ھىشام، ئەيياش ئىبنى ئەبۇرەبىئە ۋە ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھل ئىدى. ھارىس ئىچىشكە سۇ تەلەپ قىلدى، ئۇنىڭغا سۇ كەلتۈرۈلگەندە، ئىكرىمە سۇغا قارىدى، ھارىس:
- ئىكرىمەنىڭ قېشىغا ئاپىرىڭلار، - دېدى.
سۇنى ئۇنىڭغا ئەكەلگەندە ئەيياش قارىدى، ئىكرىمە ئىچمەستىن:
- ئۇنىڭغا ئاپىرىڭلار! - دېدى.
ئۇلار ئەيياشنىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۇ نەپەستىن توخىتىغان ئىكەن…
ئۇلار ئۇنىڭ ئىككى دوستىنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇلارمۇ ۋاپات بولغان ئىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن!…
ئۇلارنى ئىچكەندىن كېيىن ئۇسسىمايدىغان ھەۋزى كەۋسەر بىلەن سۇغارسۇن!…
ئۇلارغا مەڭگۈ يايرايدىغان پىردەۋس باغچىسىنى تەقدىم قىلسۇن!…
ئامىن!!!
ئەدىي ئىبنى ھاتەم ئەتتائىي
بۆلۈم: “ئەدىي ئىبنى ھاتەم ئەتتائىي”ئۇلار كاپىر بولسا سەن ئىمان ئېيتتىڭ، باشقىلار ھەقىقەتنى ئىنكار قىلسا، سەن ئېتىراپ قىلدىڭ، ئۇلار ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىسا سەن ۋاپا قىلدىڭ، ئۇلار ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈپ كەينىنى قىلسا سەن ئۇنىڭغا يۈزلەندىڭ.
- ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
بىر مەزگىل ھەقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەن، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، باشقىلارنىڭمۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىنى توسقان ۋە ھەق بىلەن قارشىلاشقان بىر ئەرەب رەھبىرى ھىجرىيىنىڭ 9 ـ يىلى ئىسلام دىنىغا بويسۇنۇپ، قەلبى ئىمانغا يۇمشاپ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلدى.
ئۇ ئاتىسىنىڭ سېخىيلىقى بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە بولغان ئەدىي ئىبنى ئەبۇھاتەم ئەتتائىي ئىدى.
ئەدىي ئاتىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا مىراسخور بولدى، كىشىلەر ئۇنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى تاپشۇردى ۋە قۇماندانلىقىنى بەردى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىدايەت ۋە ھەق يولىدىكى چاقىرىقىنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقتىدا، ئەرەب قەبىلىلىرى بىر ـ بىرلەپ بويسۇنۇشقا باشلىدى. ئەدىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى يىقىتىپ، ھوقۇقىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر رەھبەرلىكنى كۆرۈپ، رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇنلا ئۇنى قاتتىق يامان كۆرەتتى.
ئۇنىڭ ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىكى تاكى ئۇنىڭ قەلبىنى ئاللاھ ھىدايەت ۋە ھەق چاقىرىقىغا ئېچىۋەتكەنگە قەدەر 20 يىلغا يېقىن داۋاملاشتى.
ئەدىي ئۆزىنىڭ ئىسلام كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ:
«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق سۆز ئاڭلىغان ۋاقتىمدا، ئەرەبلەر ئىچىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەندىن بەك بىلىدىغان ئادەم يوق ئىدى. مەن ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدىم، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتىم، قەۋمىم ئىچىدە بايلىقنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئېلىپ تۇراتتىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق ئاڭلىغىنىمدا ئۇنى يامان كۆردۈم. ئۇنىڭ ئىشىلىرى زورۇيۇپ، شان ـ شۆھرىتى كۆتۈرۈلۈپ، نامى قوشنا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ غەرب ۋە شەرقىغىچە تارىلىشقا باشلىغاندا، مەن تۆگەمگە قارايدىغان خىزمەتچىمگە:
- باشقۇرماق ئاسان بولغان سېمىز تۆگىلەرنى تەييارلاپ، ئۇنى يېقىن بىر جايغا باغلاپ قوي، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلىساڭ ماڭا خەۋەر قىل! - دېدىم.
بىر ئەتىگىنى خىزمەتچىم كىرىپ:
-
مۇھەممەدنىڭ ئەسكەرلىرى زېمىنىڭغا قەدەم قويغاندا قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى قىل! - دېدى.
-
نېمە ئىشكەن؟ ھۇ، ئۆلگۈر…
-
يۇرت ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان، نۇرغۇن بايراقلارنى كۆردۈم، سۆرۈشتۈرسەم، بۇ مۇھەممەدنىڭ قوشۇنى ئىكەن.
-
تېز بېرىپ مەن ساڭا تەييارلاپ قويۇشقا بۇيرۇغان تۆگىلەرنى ئېلىپ كەل!
مەن شۇ ۋاقىتتىلا ئائىلە، بالا ـ چاقىلىرىمنى ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان بۇ زېمىندىن كۆچۈشكە چاقىردىم ۋە خرىستىئانلار ئىچىدىكى دىنداشلىرىمغا قوشۇلۇش مەقسىتىدە شام دىيارىغا ئالدىراپلا يولغا چىقتىم.
ئىشلارنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ئائىلەمدىكىلەرنىمۇ تولۇق يىغماستىن مېڭىپ، خەتەرلىك جايلاردىن ئۆتۈپ بولغاندا، ئائىلەمدىكىلەرنى كۆزىتىپ چىقسام، نەجدىدە بىر سىڭلىم قاپتۇ. ماڭا ئامال يوق ئىدى. مەن ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ شامغا باردىم ۋە دىنداشلىرىمىنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بىرگە تۇردۇم.
لېكىن سىڭلىمغا مەن ئويلىغان ۋە ئەنسىرگەن ئىشلار بوپتۇ.
مەن شام دىيارىدىكى چاغلىرىمدا مۇنداق بىر خەۋەر ئاڭلىدىم، مۇھەممەدنىڭ ئەسكەرلىرى يۇرتىمىزغا بېسىپ كىرىپ، ئەسىر ئالغانلار قاتارىدا سىڭلىمنىمۇ بىرگە ئەسىر ئېلىپ مەدىنىگە ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۇ يەردە ئەسىرلەر بىلەن بىرگە مەسجىد قېشىدىكى چىدىردا تۇرغۇزۇلۇپتۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قېشىدىن ئۆتكەندە ئۇ:
- ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئاتا ـ ئانىلار كەتتى، كۆچىدىغانلار كۆچتى، ماڭا ياخشىلىق قىلغىن، ئاللاھ ساڭىمۇ ياخشىلىق قىلسۇن! - دەپتۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-سېنىڭ كۆچمەنلىرىڭ كىم؟
- ئەدىي ئىبنى ئەبۇھاتەم.
-ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرىدىن قاچقۇچىمۇ؟! -دەپ كېتىپ قاپتۇ.
ئەتىسىمۇ يېنىدىن ئۆتكەندە سىڭلىم يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاش دەپتۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئوخشاش جاۋاب بېرىپتۇ. ئۆگۈنىسى ئۇنىڭ قېشىدىن يەنە ئۆتكەندە، سىڭلىم ئۈمىدسىزلىنىپ ھېچنەرسە دېمەپتۇ، كەينىدىكى بىر ئادەم ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا ئىشارەت قىلىپتۇ، سىڭلىم تۇرۇپ:
-ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاتا ـ ئانىلار كەتتى، كۆچمەنلەر كۆچتى، ماڭا ياخشىلىق قىل، ئاللاھ ساڭىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، - دەپتۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-ياخشىلىق قىلدىم، - دەپتۇ.
-
مەن شام دىيارىدىكى ئائىلەمگە قوشۇلۇشنى خالايمەن.
-
سەن تاكى سېنى شامغا ساق سالامەت ئاپىرىپ قويىدىغان بىر ئىشەنچلىك ئادەمنى تاپقۇچە يولغا چىقىشقا ئالدىرما، ئەگەر ئىشەنچلىك بىرىنى تاپساڭ، ماڭا خەۋەر قىل، - دەپتۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتقاندىن كېيىن، سىڭلىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا گەپ قىلىشقا ئىشارەت قىلغان كىشىنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈرسە، ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب ئىكەن.
ئىشەنچلىك كارۋان كەلگۈچە ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ:
- ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ قەۋمىمدىن مېنى ئاپىرىپ قويالايدىغان ئىشەنچىلىك ئادەملەر كەلدى، - دەپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىڭلىمغا كىيىم بېرىپ، تۆگىگە مىندۈرۈپ، يول خىراجىتى بېرىپتۇ، سىڭلىم يولغا چىقىپتۇ.
بىز شۇ خەۋەردىن كېيىن ئۇنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتتۇق. مەن مۇھەممەد بىلەن قارشىلاشقان بولغاچقا. ئۇنىڭ سىڭلىمغا مۇنداق ياخشىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە ئىشىنەلمەي قالدىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز بىز تەرەپكە كېلىۋاتقان كاجۇ ئۈستىدىكى بىر ئايالنى كۆردۈم، ‹ھاتەمنىڭ قىزى! -دېدىم ۋە:- شۇ، شۇ!› دەپ كەتتىم. لېكىن ئۇ كېلىپلا:
-
رەھىمسىز، زالىم! سەن ئائىلە، بالىلىرىڭنى ئېلىپ، ئاتا ـ ئاناڭدىن قالغان بىر ئادەمنى تاشلاپ كەتتىڭ، - دەپ مېنى تىللاپ كەتتى. مەن:
-
ئى سىڭلىم! ماڭا ياخشىراق گەپ قىلىڭ، - دەپ بولغان ئىشلارنى تاكى ئو رازى بولغۇچە چۈشەندۈردۈم. ئۇ بولغان ئىشلارنى سۆزلىدى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن ئۇنىڭدىن:
-
سىز ئۇ ئادەم توغرىسىدا قانداق قارايسىز؟ - دەپ سورۇدۇم.
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېنى تېزرەك ئۇنىڭغا قوشۇلسىكەن، دەيمەن، ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر بولسا، سەن ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا بۇرۇن ئېرىشىسەن ئەگەر ئۇ پادىشاھ بولسا سەن بۇ ھالىتىڭ بىلەن ھەرگىز ئۇنىڭ قېشىدا خار بولمايسەن، - دېدى سىڭلىم.
مەن سەپەر تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ، مەدىنىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ھېچقانداق يول خېتىسىز باردىم، مەن ئۇنىڭ:
- ئاللاھ تائالادىن، ئەدىينىڭ قولىنى مېنىڭ قولۇمدا قېلىشىنى تىلەيمەن، - دېگەنلىكىنى باشقىلاردىن ئاڭلىدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدتە ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا سالام قىلدىم. ئۇ:
-
ئۆزۈڭ كىم؟- دەپ سورىدى.
-
مەن ئەدىي، - دېدىم. ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ ئۆيىگە ماڭدى. يولدا كېتىۋاتقىنىمىزدا، كىچىك بالىسى بار بىر ياشانغان ئايال ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۆز ھاجىتىنى ئېيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدى، مەن ساقلاپ تۇردۇم، ئىچىمدە: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ھەرگىزمۇ پادىشاھنىڭ ئىشى ئەمەس› دېدىم.
ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ ئۆيىگە ماڭدى. بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. ئۇ ماڭا بىر تىرە ياستۇقنى تاشلاپ بەردى ۋە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. مەن ھايا قىلىپ:
- سەن ئولتۇرغىن، - دېدىم. ئۇ ئۇنىمىدى، ئاخىرى مەن ئولتۇردۇم. ئۇ يەردىلا ئولتۇردى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۆيدە ئولتۇرۇشقا باشقا نەرسە يوق ئىدى.
مەن ئىچىمدە يەنە: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ پادىشاھلارنىڭ ئىشى ئەمەس، دېدىم ئىچىمدە› ئۇ ماڭا:
-
ئى ئەدىي، سەن خرىستىئانلار بىلەن يۇلتۇزغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەم ئەمەسمىدىڭ؟! - دەپ سورىدى.
-
ھەئە، شۇنداق، - دېدىم.
-
سەن پۇقرالىرىڭدىن غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى -ھالال بولمىغان نەرسىلەرنى ئالاتتىڭ ئەمەسمۇ؟
ـــ ھەئە، شۇنداق.
ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەندىم، ئۇ:
ـــ ئى ئەدىي! بەلكىم سېنىڭ بۇ دىنغا كىرىشىڭگە، سەن كۆرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجەتمەن، كەمبەغەللىكى توسالغۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۇسۇلمانلاردا مال كۆپىيىپ، ئۇنى ئالىدىغان كىشى تېپىلمايدىغان ۋاقىتنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى. بەلكىم سېنىڭ بۇ دىنغا كىرىشىڭگە، سەن كۆرىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز، سانى ئاز؛ دۈشمەننىڭ كۆپ ئىكەنلىكى توسالغۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇزاققا قالماي، بىر ئايالنىڭ بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ نەرسىدىن قورقماي، تۆگىسىگە مىنىپ، قادىسىيە (باغداتتىكى شەھەر) دىن چىققانلىقىنى ئاڭلايسەن (يەنى: ئىسلام ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن ھەممە يەر تىنچ بولۇپ، ھېچكىم ـ ھېچكىمگە چېقىلمايدىغان زامان كېلىدۇ. بۇ چاغدا بىر ئايال كىشىمۇ خاتىرجەم بىر يەرگە بېرىپ كېلەلەيدۇ). بەلكىم سېنى بۇ دىنغا كىرىشىڭگە، سەن كۆرىۋاتقاندەك، پادىشاھ، سۇلتانلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئەمەسلىكى، توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇزاققا بارماي، سەن بابىل (ئىراقتىكى بىر جاي) دىكى ئاق ئۆينىڭ مۇسۇلمانلارغا ئېچىلىپ، كىسرانىڭ بايلىقىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئۆتكىنىنى ئاڭلايسەن.
-
كىسرا ئىبنى ھورمۇزنىڭ بايلىقىمۇ؟!
-
ھەئە، كىسرا ئىبنى ھورمۇزنىڭ بايلىقى.
شۇ ۋاقىتتا مەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدۇم.»
ئەدىي ئۇزاق ياشىدى، ئۇ مۇنداق دەيتتى:
بۆلۈم: “ئەدىي ئۇزاق ياشىدى، ئۇ مۇنداق دەيتتى:”«ئىككى ئىش ئەمەلگە ئاشتى، ئۈچىنچىسى قالدى، ئاللاھ خالىسا ئۇمۇ چوقۇم بولىدۇ. مەن بىر ئايالنىڭ ھېچنەرسىدىن ئەنسىرىمەي، تۆگىسىگە مىنىپ قادىسىيەدىن چىقىپ بەيتۇللاھقا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم. مەن كىسرانىڭ بايلىقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئالغان ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدا بار ئىدىم. ئۈچىنچىسىنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەن.»
ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىدى. تەقۋا ئابىد خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ دەۋرىدە ئۈچىنچى ئىش ئەمەلگە ئاشتى. مۇسۇلمانلاردا مال شۇنداق كۆپەيدىكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جاكاچىلار:
ـــ كەمبەغەل مۇسۇلمانلار ئىچىدىن زاكات مال ئالدىغانلار بارمۇ؟ دەپ توۋلىسىمۇ، ئالدىغانلارنى تاپالمايتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن راست ئېيتىدۇ، ئەدىي ئىبنى ئەبۇھاتەم ئۆز قەسىمىنى ياخشى ئورۇندىدى.
ئۇسامە ئىبنى زەيد
بۆلۈم: “ئۇسامە ئىبنى زەيد”ئۇسامەنىڭ دادىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سېنىڭ داداڭدىن سۆيۈملۈك ئىدى. ئۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سەندىن بەك سۆيۈملۈك.
- ئۆمەرنىڭ ئوغلىغا قىلغان سۆزىدىن
بىز ئۇسامە ھەققىدىكى بايانىمىزنى ھىجرەتتىن يەتتە يىل ئىلگىرىكى، مەككىدە ئازاب چېكىۋاتقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھاياتىدىن باشلايمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى غەم ئەندىشىلىك كەيپىيات بىلەن مۇسىبەت ۋە دىننى تەشۋىق قىلىشنىڭ مەسئۇلىيىتى گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ھايات ئىدى. مۇشۇ كۈنلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئۇممۇ ئەيمەن بىر ئوغۇل تۇغدى، دېگەن بىر خوش خەۋەر يەتكۈزۈلدى. بۇ خەۋەردىن ئۇ ناھايىتى سۆيۈندى. ئۇنداقتا بۇ ئۇلۇغ زاتنى خوش قىلغان بۇ بالا كىم؟
بۇ بەختلىك بالا زەيدنىڭ ئوغلى ئۇسامە ئىدى. ساھابىلەر بۇ بوۋاقنىڭ دادىسىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭ بۇ بوۋاق ئۈچۈن بۇنچىلىك خوش بولغىنىغا ھەيران قالمىدى.
بۇ بالىنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ئەيمەن «بەركەتۇل ھەبەشىيە» دەپ ئاتالغان ئايال ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئامىنەنىڭ خىزمەتكارى بولۇپ، ئامىنە ھايات ۋاقتىدىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى باققان، ئامىنە ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ئىگە بولۇپ تەربىيىلىگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەقلىگە كەلگەندە ئۈزى ئۈچۈن ئۇممۇ ئەيمەندىن باشقا بىر ئانىسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئۇممۇ ئەيمەننى ناھايىتى بەك ياخشى كۆرەتتى ۋە: «ئۇممۇ ئەيمەن مېنىڭ ئانامدىن كېيىنكى ئانام، ئائىلەمدىن ماڭا قالغان بىردىن بىر ئادىمىم» دەيتتى.
دېمەك، بۇ بالىنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ئەيمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولغىنىغا ئوخشاش، دادىسى زەيدمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇن بېقىۋالغان بالىسى، ئۇنىڭ سىرلىرىنى ساقلىغۇچى دوستى، ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ئىسلامدىن كېيىنمۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملىكى ئىدى. ئۇسامەنىڭ تۇغۇلۇشى مۇسۇلمانلارنىمۇ خوش قىلدى. ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى خوش قىلغان نەرسە ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن خوش قىلمىسۇن؟! ئۇلار بۇ بالىغا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دوستى ۋە دوستىنىڭ بالىسى» دەپ نام بەردى.
مۇسۇلمانلار ئۇسامەگە بۇ ناملارنى قويۇشتا ئاشۇرۇۋەتمىگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇسامەنى پۈتۈن دۇنيا قىزغانغۇدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرەتتى. ئۇسامە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن بىلەن ياش جەھەتتە پەرقلەنمەيتتى. ھەسەن ئاق، نۇرلۇق، چىرايلىق بولۇپ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشايتتى.
ئۇسامە بولسا ئۆڭى قارا، بۇرنى پاناق بولۇپ ھەبەشىستانلىق ئانىسىغا ئوخشايتتى. لېكىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى كۆرۈشتە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىنى ئايرىمايتتى. ھەسەننى بىر يوتۇسىغا، ئۇسامەنى يەنە بىر يوتۇسىغا ئولتۇرغۇزىۋىلىپ: «ئى ئاللاھ! مەن بۇلارنى ياخشى كۆرىمەن. سەنمۇ ياخشى كۆرسەڭ» دەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇسامەگە بولغان ياخشى كۆرۈشى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، بىر قېتىم ئۇسامە ئىشىكنىڭ بۇسۇغىسىغا يىقىلىپ، چىكىسى يېرىلىپ قان ئېقىپ قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەگە قاننى ئېرتىۋېتىشكە ئىشارەت قىلىدۇ. ئائىشەنىڭ رايى بارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ، ناھايىتى تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇسامەنى ئەركىلىتىپ، جاراھەت ئېغىزىنى ئېرتىپ، قانلىرىنى تازىلايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇسامەنى كىچىكىدە ياخشى كۆرگىنىدەك چوڭ بولغاندىمۇ ياخشى كۆردى.
مەككە مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى بولغان ھەكەم ئىبنى ھىزام يەمەندىن ئەللىك دىنارغا سېتىۋالغان زىيەرەن دىيارىنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ قىممەت پۇللۇق تونىدىن بىرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سوۋغا قىلدى. ھەكەم تېخى مۇشرىكلىك ھالىتىدە بولغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سوۋغىنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىماي، ئۇنى پۇل بېرىپ سېتىۋالدى. ئاندىن بۇ توننى جۈمە كۈنلۈكتە بىر قېتىم كىيە- كىيمەيلا ئۇسامەگە بېرىۋەتتى. ئۇسامە بۇ توننى مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلاردىن بولغان تەڭتۈشلىرى ئارىسىدا ئەتىسى ئاخشاملىرى كىيىپ يۈرەتتى.
ئۇسامەنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە لايىق گۈزەل خۇلق، ئېسىل ئەخلاقلار نامەيەندە بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ناھايىتى زېرەك، قەيسەر، تەدبىرلىك، دىيانەتلىك، چىقىشقاق، تەقۋا ۋە پەرھىزكار ئىدى.
ئوھۇد ئۇرۇشىدا ئۇسامە بىرمۇنچە ساھابىلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە ئاللاھ يولىدىكى جىھادقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن بەزىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بەزىلىرىنى بەك كىچىك دەپ قايتۇرۋەتتى. قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇسامەمۇ بار ئىدى. لېكىن ئۇ جىھادقا قاتنىشالمىغانلىقىغا بولغان ھەسرىتلىنىپ ياش تۆككەن ھالدا قايتقان ئىدى.
خەندەك ئۇرۇشى بولغان چاغدا ئۇ يەنە ساھابىلەرنىڭ بالىلىرىدىن بىرقانچىسى بىلەن بىرگە كەلدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى قوبۇل قىلىپ قېلىشى ئۈچۈن ئۆزىنى ئامال بار ئېگىز كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا رەھىمى كېلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلدى. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 15 ياشتا ئىدى. دېمەك ئۇ 15 يېشىدا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ قىلىچ كۆتۈردى.
ھۇنەين جېڭىدە مۇسۇلمانلار چېكىنگەن ۋاقتىدا ئۇسامە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس، تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەبۇ سوفيان ئىبنى ھارىس ۋە باشقا بىر قانچە ھۆرمەتلىك ساھابىلەر بىلەن بىرگە جەڭ مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئازغىنە باتۇر مۇسۇلمان گۇرۇھى بىلەن ساھابىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى غەلىبىگە ئۆزگەرتىشكە ۋە قاچقان مۇسۇلمانلارنى مۇشرىكلارنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قىلىشقا قادىر بولدى.
مۇئتە ئۇرۇشىدا ئۇسامە دادىسى زەيدنىڭ بايرىقى ئاستىدا جەڭ قىلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ يېشى ئون سەككىزگىمۇ يەتمىگەن ئىدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. لېكىن، ئىرادىسى ئاجىزلاپ تەۋرەپ قالمىدى، بەلكى جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭمۇ بايرىقى ئاستىدا جەڭ قىلدى. ئۇمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يىقىلدى. ئاندىن كېيىن ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەنىڭ بايرىقى ئاستىدا جەڭ قىلدى.
ئۇمۇ ئىككى ھەمراھىغا قوشۇلدى، ئۇندىن كېيىن خالىدنىڭ بايرىقى ئاستىدا جەڭ قىلدى، ئاخىرى خالىد كىچىك قوشۇننى رۇملۇقلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ئۇسامە دادىسىنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ پاك جەسىتىنى شام چېگىرسىدا قالدۇرۇپ، دادىسى شېھىت قىلىنغان ئاتقا مىنىپ مەدىنىگە قايتىپ كەلدى.
ھىجىرىيەنىڭ 11- يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇملۇقلارغا قارشى قوشۇن تەييارلاشقا بۇيرۇپ، ئۇسامەنى قوماندان قىلدى. بۇ قوشۇندا ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ ۋە ئۇلاردىن باشقا پېشقەدەم ساھابىلەر بار ئىدى، بۇ چاغدا ئۇسامە يىگىرمە ياشتىن ئاشمىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قوشۇننى رۇم دىيارىدىكى غەززىگە يېقىن جايدىكى بەلقائى چىگىرسىغا ۋە داروم قەلئەسىگە چۈشۈرۈشكە بۇيرىدى.
قوشۇن مېڭىشقا باشلىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەل بولۇپ قالدى.
قوشۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈتۈپ مېڭىشتىن توختىدى. بۇ ھەقتە ئۇسامە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا مەن ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم. باشقىلارمۇ كىردى. مەن ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبلىك سۆزدىن قالغىنىنى ھېس قىلدىم. ئۇ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، ئاندىن مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشۈردى. مەن ئۇنىڭ ماڭا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئەبۇ بەكرىگە بەيئەت قىلىش ئىشىمۇ تامام بولۇپ ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئەبۇ بەكرى ئۇسامەنى ماڭدۇرۇش ئىشىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇق بەردى.
لېكىن بىر بۈلۈك ئەنسارىلار، قوشۇننى كېچىكتۈرۈشنى ئويلاپ بۇ توغرىسىدا ئۆمەردىن، ئەبۇ بەكرىگە گەپ قىلىشنى ئۆتۈندى ۋە: «ئەگەر ئەبۇ بەكرى ئۇنىمىسا بىزگە ياش جەھەتتە ئۇسامەدىن چوڭراق بىرسىنى قوماندان قىلىپ بەرسۇن، دېگىن» دېدى. ئەبۇ بەكرى ئۆمەردىن ئەنسارىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى ۋە ئۆمەرنىڭ ساقىلىدىن تۇتۇپ، ئاچچىقلىنىپ:
- ئاناڭ، سېنى تاپالماي يىغلاپ قالسۇن!- دېدى، - ئۇسامەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشلەتكەن تۇرسا سەن مېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قويغان ئورۇندىن ئېلىۋېتىشكە ئۈندەمسەن؟! بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس! - دېدى.
ئۆمەر كىشىلەرنىڭ يېنىغا قايتىپ چىققاندا كىشىلەر قانداق بولغانلىقىنى سورىدى. ئۆمەر:
- مېڭىڭلار! ئاناڭلار يىغلاپ قالسۇن! مەن سىلەرنى دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىسىنىڭ غەزىپىگە ئۇچردىم، - دېدى.
قوشۇن ياش قومانداننىڭ رەھبەرلىكىدە يولغا چىقتى. ئۇنى خەلىپە پىيادە مېڭىپ ئۆزىتىپ قويدى. ئۇسامە ئۇلاغلىق ئىدى. ئۇ خەلىپەگە:
-
ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۇلىغىڭغا مىنگىن ياكى مەنمۇ پىيادە ماڭاي، - دېدى.
-
ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئۆتۈنىمەن، سەنمۇ چۈشمە، مەنمۇ مىنمەي… مىنىڭ پۇتلىرىم ئاللاھ يولىدا بىرئاز چاڭ- تۇزاڭ بولسا نېمە بوپتۇ؟! - دېدى ئاندىن ئۇسامەگە، - مەن سېنىڭ دىنىڭ، يۈكۈڭ ۋە خىزمىتىڭنىڭ خاتىمىسىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم. مەن سېنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاپشۇرغان ئىشنى ئىجرا قىلىپ تاماملىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن، - دېدى ۋە شۇنداق بىر تەلەپنى قوشۇپ قويدى، -ئەگەر ئۆمەر بىلەن بىرگە ماڭا ياردەم بېرىشنى خالىساڭلار ئۇنىڭ مەن بىلەن بىرگە قېلىشىغا رۇخسەت قىلغىن.
ئۇسامە ئۆمەرنىڭ قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.
بۆلۈم: “ئۇسامە ئۆمەرنىڭ قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.”قوشۇن ئىلگىرىلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلدى. قوشۇننى پەلەستىندىكى بەلقائى چىگىرسى ۋە دارۇم قەلئەسىگە چۈشۈردى. ئۇسامە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىن رۇملۇقلارنىڭ ھەيۋىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇلارغا ئالدى بىلەن شام دىيارى، مىسىر ۋە پۈتۈن ئافرىقىنى قارا دېڭىزغا قەدەر ئىشغال قىلىش يولىنى ئېچىپ بەردى.
ئۇسامە، دادىسى شېھىت قىلىنغان ئېتىنىڭ ئۈستىگە مىنىپ سان - ساناقسىز غەنىمەت بىلەن قايتتى، ھەتتا «ئۇسامەنىڭ قوشۇنىدەك ساق قايتقان ۋە كۆپ غەنىمەت ئالغان قوشۇن يوق» دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى.
ئۇسامە پۈتۈن ھاياتىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغلاش، ياخشى كۆرۈش ئوبېكتى بولۇپ ياشىدى. ئۆمەر ئۇسامەگە، ئۆز ئوغلى ئابدۇللاھتىن كۆپرەك نېسىۋە بەردى. ئابدۇللاھ دادىسى ئۆمەرگە:
-
ئى دادا! سەن ئۇسامەگە تۆت مىڭنى، ماڭا ئۈچ مىڭنى بەردىڭ. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ سېنىڭدىن ئانچە كۆپ ئارتۇقچىلىقى يوق ئىدى، ئۇنىڭمۇ مېنىڭدىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى يوق، - دېگەنىدى. ئۆمەر:
-
بەك يىراقلاپ كەتتىڭ … ئۇنىڭ دادىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سېنىڭ داداڭدىن سۆيۈملۈك ئىدى.
ئۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سەندىن بەك سۆيۈملۈك، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى كۆرگىنىنى ئۆزۈمنىڭ ياخشى كۆرىشىدىن ئۈستۈن قويدۇم، - دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئۆزىگە بېرىلگەن نېسىۋىسگە رازى بولدى.
ئۆمەر ئۇسامەنى ئۇچراتسا:
- رەھبىرىمنى قارشى ئالىمەن، - دەيتتى. ئەگەر بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن ئادەمنى كۆرسە، - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ماڭا قوماندان قىلغان، شۇڭا ئۇنى «رەھبىرىم» دەيمەن، - دەيتتى.
ئاللاھ بۇ ئېسىل روھلارغا رەھمەت قىلسۇنكى، تارىخ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن كاتتا، ئۇلۇغ، ئالىيجاناب، مۇكەممەل كىشىلەرنى كۆرۈپ باقمىدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس
بۆلۈم: “ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس”ئۇ نەۋقىران يىگىت بولۇپ ئۇنىڭ سوئاللىق تىلى، ئەقىللىق كالىسى بار.
- ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
گەرچە ئۇ كېيىنرەك تۇغۇلغان بولسىمۇ ئۇلۇغ ساھابە بولۇپ يېتىشىپ چىقىشقا پايدىلىق بولغان ئەتراپتىكى ياخشى پۇرسەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن بەھرىمەن بولغانلاردىن، يەنى ساھابىلىق، تۇغقاندارچىلىق، ئىلىم ئېلىش، تەقۋادار بولۇشقا پايدىلىق بولغان پۇرسەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكەنلەردىن ئىدى. ئۇ يەنە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئىدى.
ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىتىدا ئۆسۈپ، ئۈممەتنىڭ ئۆلىماسى، مول بىلىم ئىگىسى، كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرىنى قىيامدا تۇرۇپ ئۈتكۈزگىچى، ئەتىگەن ۋە ئاخشاملىرى ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغۇچى، مەغپىرەت تىلەپ تۆكۈلگەن ياشلىرى بىلەن مەڭزىلىرى نەملەنگۈچى كىشى ئىدى.
مانا بۇ كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئۆلىماسى، تەربىيىچىسى، تەتقىقاتچىسى، پەيلاسوپى، ئىجتىھاتچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباستۇر.
ئۇ ھىجرەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن تۇغۇلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا ئۇ ئەمدىلا 13 ياشتا ئىدى. گەرچە ئۇ كىچىك بولسىمۇ ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ كىتابلىرىدا توغرىلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ھەدىستىن 1660 نى يادلاپ بولغان ئىدى.
ئانىسى ئۇنى يىڭى تۇغقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۈكرىكى بىلەن ئۇنى ئېغىزلاندۇردى، دېمەك ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەن تۇنجى نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك تۈكرىكى بولدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا تەقۋالىق، ئىلىم ـ ھېكمەتلەرنىڭ نۇرىمۇ كىرگەن بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىلىم ـ ھېكمەت ـ كىمگە بېرىلسە، ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ» دېگەن ئىدى.
ھاشىمىيلىق بۇ سەبى بالا ئانچە مۇنچە ئەقىل تاپقاندىن باشلاپلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خۇددى سايىدەكلا ئەگىشىپ يۈرىدىغان بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالماقچى بولسا ئۇنىڭ تاھارەت سۈيىنى تەييارلاپ بېرەتتى. نامازدا تۇرغاندا ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئوقۇيتتى، سەپەرگە چىقسا ئۇلۇغىنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىۋالاتتى. ئۇ ھەر بىر ھەرىكىتىدە چىچەن ئەقىل، زېرەك قەلب، ھازىرقى زاماندىكى ئىلغار خاتىرە قالدۇرۇش ئەسۋابلىرىدىنمۇ ئۆتكۈر بولغان ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى بىللە ئېلىپ يۈرەتتى.
ئۇ ئۆزى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالماقچى بولدى، مەن ناھايىتى تېزلىك بىلەن سۇ تەييارلاپ بەردىم، ئۇ بۇنىڭدىن خۇرسەن بولدى. ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىدا ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى، مەن ئارقىسىدا تۇرۇپ ئوقۇدۇم. ناماز ئاخىرلاشقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
ئى ئابدۇللاھ! نېمە ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمدا تۇرمايسەن؟- دەپ سورىدى. مەن:
-
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن مېنىڭ نەزىرىمدە مەن بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشتىن كۆپ يۇقىرى مەرتىۋىدىسەن، - دېدىم
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
- ئى ئاللاھ بۇ بالىغا ئىلىم ـ ھېكمەت ئاتا قىلساڭ! - دەپ دۇئا قىلدى.»
ئاللاھقا ھەمدۇلار بولسۇنكى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھ ھاشىمىلىق بۇ بالىغا ئۆلىمالارنىڭ پېشۋالىرىدىن ھالقىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئىلىم ـ ھېكمەت ئاتا قىلدى.
بۇنچىۋالا تەرىپلەردىن كېيىن تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ ئاقىللىقى ھەققىدە بىرەر مىسال بولسىمۇ بىلگىڭىز كېلەر، قېنى تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەر سېلىڭ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى خەلىپىلەر زامانىغا كەلگەندە ئەلى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) نىڭ بىر قىسىم دوستلىرى ئەلىدىن ئايرىلىپ مۇئاۋىيە بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نىزادا ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىغاندا ئابدۇللاھ ئەلىغا:
- ئى مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى!
مېنىڭ ئۇ كىشىلەرگە گەپ قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغىن! - دېدى.
-
ساڭا بىرەر ئىش يېتىپ قالمىسىكەن دەپ ئەنسىرەيمەن، - دېدى ئەلى كۆيۈنگەن ھالدا.
-
ئاللاھ خالىسا ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، - دېدى ۋە ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا باردى. ئۇ ئىبادەتتە بۇلاردەك تىرىشچان كىشىلەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇلار:
-
كەل ئى ئابباسنىڭ ئوغلى، مەرھابا، سەن بۇ يەرگە نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟ - دەپ سوراشتى.
-
سىلەر بىلەن سۆزلەشكىلى كەلدىم، - دېدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەسلىك تەرەپدارى بولدى. بىر قىسمى:
-
قېنى سۆزلە، بىز سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلايمىز، - دېيىشتى.
-
ئېيتىڭلارچۇ، سىلەر نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ھەم ئۇنىڭ كۈيئوغلى، ئەڭ دەسلەپتە ئىمان ئېيتقۇچى بولغان كىشىگە قارشى چىقىسىلەر؟ - دېدى ئابدۇللاھ.
-
ئۈچ ئىشتا ئۇنىڭغا ئېتىرازىمىز بار، - دېيىشتى ئۇ كىشىلەر.
-
ئۇ قايسى ئۈچ ئىش؟
-
بىرىنچىسى، ئاللاھنىڭ دىنىدا كىشىلەرنى ھۆكۈم چىقارغۇچى قىلدى. ئىككىنچىسى، ئائىشە ۋە مۇئاۋىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ، غەنىمەت ۋە ئەسىر ئالمىدى. ئۈچىنچىسى، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلىغان تۇرۇقلۇق ئۇ مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى دېگەن نامنى قوللانمىدى.
-
ماڭا قاراڭلار دېدى، - ئابدۇللاھ، - ئەگەر سىلەر دېگەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق ئاللاھنىڭ كىتابىدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىن بىر نەرسە دەپ بەرسەم بۇ قىلمىشىڭلاردىن يانامسىلەر؟
-
شۇنداق، ئەلۋەتتە يانىمىز، - دېيىشتى ئۇلار.
-
سىلەرنىڭ «ئەلى ئاللاھنىڭ دىنىدا كىشىلەرنى ھۆكۈم چىقارغۇچى قىلدى» دېگەن سۆزۈڭلارغا كەلسەك، ئاللاھ: (ئى مۆمىنلەر سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى، ئېھراملىق ھالىتىڭلاردا ياكى ھەرەمدە ئۆلتۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى ئۇنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر ياكى كەففارەت يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بىرىشتۇر، ياكى ھەر بىر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋېرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. ئۆتكەنكى گۇناھىڭلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى. كىمكى قايتا گۇناھ ئۆتكۈزسە ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، جازالىغىچىدۇر( دېگەن. مەن سىلەرگە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلايكى، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى، ساقلاپ ئۆز ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىشى ھەقلىقمىكەن ياكى قىممىتى تۆت دىرھەم بولغان توشقان توغرىسىدا ھۆكۈم قىلغىنى ھەقلىقمىكەن؟
-
بەلكى، مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىنى ساقلاپ، ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم قىلىشى ھەقلىق، - دېدى.
-
سىلەر مۇشۇ ھەقتە بۆلۈنگەن ئىكەنسىلەر- دە؟
-
شۇنداق، بولۇپتۇ، ئەمما سىلەرنىڭ «ئەلى جەڭ قىلىپ، ئاياللارنى ئەسىرگە ئالمىدى» دېگەن سۆزۈڭلارغا كەلسەك، سىلەر ئۆز ئاناڭلار ئورنىدا بولغان مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشەنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئۇنى باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلماقچىمۇ؟ سىلەر بۇ سوئالغا «ھەئە!» دەپ جاۋاب بەرسەڭلەرمۇ كاپىر بولىسىلەر، ئەگەر ئائىشە بىزنىڭ ئانىمىز ئەمەس، دېسەڭلەرمۇ يەنىلا كاپىر بولىسىلەر، چۈنكى ئاللاھ: (پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر( دېگەن. سىلەر بۇ ھەقتە خالىغىنىڭلارنى تاللاڭلار، بىز مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بۆلۈندۇقمۇ؟
-شۇنداق قىپتۇق، - دېيىشتى.
- ئەمدى «ئەلى ئۆزىگە ‹مۆمىنلەرنىڭ باشلىقى› دېگەن نامنى قوللانمىدى» دېگەن سۆزۈڭلارغا كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇدەيبىيە كۈنى مۇشرىكلار بىلەن قىلغان كېلىشىمدە كېلىشىمدىكى «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ھۆكۈم قىلغان ئىش» دېگەن سۆزگە مۇشرىكلار: «بىز سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ئىشەنگەن بولساق، سېنى بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشتىن توسىمايتتۇق ۋە سەن بىلەن جەڭ قىلمايتتۇق، سەن بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا ‹مۇھەممەد ئىبى ئابدۇللاھ› دەپ ياز!» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە يېزىشقا قوشۇلدى. ئەمما ئۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر مېنى ئېتىراپ قىلمىغىنىڭلار بىلەن مەن ھەقىقىي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دېگەن ئىدى. ئويلاپ بېقىڭلار بىز مۇشۇ سەۋەبتىن بۆلۈنىمىزمۇ؟
- بىز شۇنداق قىپتۇق.
بۇ سۆھبەتنىڭ يەنى ئابدۇللاھنىڭ قۇرئان ھەدىستىن ئېلىپ كەلگەن دەلىل، مىساللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسى شۇ يولدىكى پەقەت 4000 ئادەمنىڭ ئەلىگە قەرشى مەيداندا قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا 20 مىڭ ئادەم ئەلىنىڭ سېپىگە قېتىلدى.
بۇ ئوت يۈرەك ياش ئابدۇللاھ ئىلىم ئېلىش يولىدا بارلىقىنى سەرپ قىلدى. بارلىق ئىمكانىيەتنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلاندى، ئۇ ئاشۇ تىرىشچانلىقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلىم بۇلىقىدىن سۇ ئىچكەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىلىم ـ ھېكمەت ئىگىسى بولغان ساھابىلەر، ئالىملار ئۇنىڭ قوغلىشىپ يۈرۈپ ئىلىم ئۆگىنىدىغان ئۇستازىغا ئايلاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىم ئىگىلەش يولى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئەگەر بىرەر ساھابىدە بىرەر ھەدىسنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىسام چۈشلۈك ئۇخلاش ۋاقتىدا شۇ ساھابىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ چاپىنىمنى يەرگە سېلىپ ياتاتتىم، شامال توپا چاڭلارنى باش ـ كۈزۈمگە ئۇراتتى، مەن خالىسام كىرىشكە رۇخسەت سورايتتىم. ئۇلار مېنىڭ كىرىشىمگە ئىزىن بېرەتتى. مەن بۇنى پەقەت ئاشۇ ساھابىنىڭ روھىنى پاكلاش ئۈچۈنلا قىلاتتىم. بەزىدە ئۇلار ئۆيىدىن چىققاندا مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ:
-
ئى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى! نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟ ئەگەر مەندە بىرەر ئىشىڭ بولسا ئادەم ئەۋەتسەڭ باراتتىم ئەمەسمۇ، - دەيتتى.
-
مېنىڭ كېلىشىم ھەقلىق، چۈنكى، ئىلىم دېگەن ئاپىرىپ بېرىلمەيدۇ، بەلكى ئەكىتىلىدۇ، - دەيتتىم- دە، ئاندىن ئۆزۈم سورىماقچى بولغان ھەدىسنى سورايتتىم.»
ئابدۇللاھ ئىلىم ئېلىش يولىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش بىلەن بىرگە يەنە ئالىم ئۆلىمالارنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلاتتى. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن ۋەھىينى يازغۇچى، شەرىئەت بىلىملىرىدە، قىرائەتتە، مىراس ئىشلىرىدا، مەدىنە كىشىلىرىنىڭ كاتتىسى، زەيد ئىبنى سابىت ئۇلىغىغا مىنمەكچى بولغاندا ئابدۇللاھ ئۇنىڭ ئالدىدا خۇددى خىزمەتكار خوجايىنىنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك تۇرۇپ، ئۇلاغنىڭ ئۈزەڭگىسىنى پەسكە بېسىپ، ئۇلىغىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. زەيد ئۇنىڭغا:
-
ئى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى! ئۇنداق قىلمىغىن، - دەيدۇ.
-
بىز ئالىم كىشىلىرىمىزگە مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغان، - دەيدۇ ئابدۇللاھ. زەيد ئۇنىڭغا:
-
ماڭا قولۇڭنى كۆرسەت، - دەيدۇ. ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا قولىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. زەيد ئابدۇللاھنىڭ قولىغا سۆيۈپ:
-
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغان، - دەيدۇ.
ئابدۇللاھنىڭ ئىلىمگە بولغان قىزغىنلىقى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ بىلمى ئالىملارنىمۇ ھەيران قىلغۇدەك دەرىجىدە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، تابىئىنلارنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى بولغان مەسرۇق ئىبنى ئەجدەئە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئابدۇللاھنى كۆرگۈنىمدە ‹ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى› دەيتتىم. ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ‹ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناتىقى› دەيتتىم. ھەدىس سۆزلىسە ‹كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئالىمى› دەيتتىم.»
ئۇ ئىلىمدا كامالەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۇ بىلىملەرنى باشقىلارغا ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقىچىغا، ئۆيى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئايلاندى.
بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇچرايدىغان نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز نەپەر ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار بولماستىن پەقەت ئاشۇ ئابدۇللاھ ئۆزى يالغۇز ئىدى.
ساھابىلەرنىڭ بىرى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئابدۇللاھنىڭ بىر سورۇنىنى كۆردۈم. بۇ پۈتۈن قۇرەيشلىكلەرگە ئىپتىخار بولىدىغان ئەھۋال بولۇپ، ئابدۇللاھنىڭ ئۆيى تەرەپكە بارىدىغان يولغا كىشىلەر سىغماي قالغانىكەن. مەن ئۇنىڭ قىشىغا كىرىپ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان يولغا سىغماي قالغانلىقىدىن خەۋەر بەردىم، ئۇ: ‹ماڭا تاھارەت سۈيى ھازىرلاپ بەرگىن› دېدى. مەن سۇ راسلاپ بەردىم. ئۇ تاھارەت ئېلىپ بولۇپ ئولتۇرۇپ: ‹سەن چىقىپ،‘قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ھەرپلىرى توغرىسىدا سورۇغۇچىلار كىرسۇن’، دېگىن› دەپ بۇيرىدى. مەن چىقىپ شۇنداق دېدىم. كىشىلەر شۇنچىلىك كۆپ كىردىكى ھەتتا پۈتۈن ئۆيلەرنىڭ ھەممە ھۇجرىلىرى لىق تولدى. ئۇلاردىن كېيىن قۇرئاننىڭ تەپسىرى توغرىسىدا سورايدىغانلارنى؛ ئۇلاردىن كېيىن ھالال- ھارام، دىنىي مەلۇماتلار توغرىسىدا سورايدىغانلارنى؛ ئۇلاردىن كېيىن مىراس ئىلمى؛ ئۇلاردىن كېيىن ئەرەب تىلى، شېئىرىيەت، كىلاسىك ئەرەب تىلىدىن سورىغۇچىلارنى چاقىرتقۇزدى. ھەر بىر تۈركۈمدىكى ئىلىم ئالغۇچىلار دەسلەپتە كىرگەن كىشىلەردەكلا كۆپ بولۇپ ئۆيلەرنىڭ ھەممە ھۇجرىلىرى لىق تولغان ئىدى. ئۇ ھەر بىر تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەر بىر سوئال سورۇغۇچىسىغا ناھايىتى مۇككەممەل، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەتتى ھەم ئۇلارغا: ‹باشقا قېرىندىشىڭلارغىمۇ يول بېرىڭلار!› دەيتتى.»
ئابدۇللاھ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىشىكى ئالدىدىكى بۇ قىستاڭچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرس تۈرلىرىنى كۈنلەرگە بۆلۈپ، ھەر بىر كۈن ئۈچۈن بىر دەرس ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان ھەر بىر ئادەم ئۇنىڭغا ۋە سورالغان سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابقا قايىل بولماي تۇرالمايتتى.
ئابدۇللاھنىڭ بىلىملىك بولۇشتەك پەزىلىتى ئۇنى خەلىپىلىك ئىشلىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇشتەك شەرەپكە ئىگە قىلدى. ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئىشلىرىدا بىرەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە ساھابىلەرنىڭ چوڭلىرىنى چاقىرغاندا يېشى كىچىك بولسىمۇ ئابدۇللاھنى چاقىرتاتتى ۋە ئۇنى ئۆزىگە يېقىن ئولتۇرغۇزۇپ: «بىزگە مۇنداق بىر قىيىنچىلىق بولدى، بۇنى سەن ۋە ساڭا ئوخشاشلارلا ھەل قىلالايدۇ» دەيتتى.
بىر قېتىم ئۆمەر كىشىلەر تەرىپىدىن: «كىچىكىنە بالىنى چوڭلارنىڭ مەرتىۋىسىگە تەڭلەشتۈردىڭ» دەپ تەنقىدلەنگەندە، ئۆمەر: «ئۇ گەرچە نەۋقىران يىگىت بولسىمۇ ئۇنىڭ سوئاللىق تىلى، ئەقىللىق كالىسى بار» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئابدۇللاھ يالغۇز دەرس ئاڭلىغۇچىلارغىلا دەرس بېرىش بىلەن توختاپ قالماي، ئومۇمىي خەلققە ۋەز نەسىھەت قىلىشنىمۇ بىرگە ئېلىپ باراتتى. ئۇلارغا ۋەز نەسىھەت قىلىش سورۇنلىرىنى ھازىرلايتتى. تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ ئومۇمغا قىلغان ۋەز نەسىھەتلىرىدىندۇر.
ـــ ئى گۇناھكار بەندە!
سەن قىلغان گۇناھلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقماي يۈرگۈچىلەردىن بولما، بىلگىنكى، بىر گۇناھقا ئەگىشىپ قىلىنغان گۇناھ ئەسلىدىكى گۇناھتىنمۇ ئېغىردۇر.
ـــ گۇناھ سادىر قىلىۋاتقىنىڭدا ئىككى تەرىپىڭدىكى پەرىشتىلەردىن ھايا قىلمىغىنىڭنىڭ ئۆزى، قىلغان گۇناھ بىلەن ئوخشاشلا ئېغىردۇر.
ـــ گۇناھ قىلغان تۇرۇپمۇ ئاللاھنىڭ سەندىن قانداق ھېساب ئېلىشىنى بىلمەي كۈلۈپ يۈرۈشىڭنىڭ ئۆزىمۇ گۇناھتۇر.
ـــ گۇناھ ئۆتكەزگەنلىكىڭگە مەغرۇرلىنىپ يۈرۈشىڭمۇ گۇناھتۇر.
ـــ گۇناھ ئىش قىلىۋاتقىنىڭدا ئاللاھنىڭ سېنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىدىن قورقماي، بەلكى، كىيىمىڭنى شامال ئۇچۇرسا ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشىڭ تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر.
ـــ ئى گۇناھ سادىر قىلغۇچى! بەدىنىنى قۇرۇتلىتىپ، مال دۇنياسىنى ۋە بارلىقىنى ئۇنىڭ ئىلكىدىن ئېلىپ كېتىشكە ئەييۇبنىڭ گۇناھى نېمە؟ ئۇنىڭ گۇناھى پەقەت بىر ئاجىز مىسكىن ئۆزىگە كەلگەن زۇلۇمنى توسۇشقا ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغاندا ئۇ ياردەم قىلمىغان. دېمەك سەن ھەرقانداق بىر كىچىك گۇناھنى كىچىك سانىما.
ئابدۇللاھ ئۆزى گۇناھ قىلىپ تۇرۇپ باشقىلارنى توسىدىغان ياكى ئۆزى قىلمىغاننى باشقىلارغا بۇيرۇيدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەمىشە كۈندۈزلىرى روزا بىلەن، كېچىلىرى قىيامدا تۈرۈش بىلەن ياشايدىغان بەندە ئىدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مۇلەيكە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئۇنىڭغا مەككىدىن مەدىنىگە بارغىچىلىك ھەمراھ بولدۇم. بىز سەپەر ئۈستىدە بىرەر قونالغۇغا چۈشسەكلا ئۇ يېرىم كېچىدە تۇراتتى، باشقىلار بولسا قاتتىق سەپەر ھاردۇقىدا قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق بولغان ھالدا ياتاتتى. مەن بىر كېچىسى ئۇنىڭ: (ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئىلىپ كەلدى، سەن بولساڭ ئۇنىڭدىن قاچاتتىڭ( دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋاتقانقانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئۇ تاكى تاڭ سۈزۈلگىچە ئۇ ئايەتنى ئوقۇپ يىغلاپ چىقتى.»
يىغىپ ئېيتقاندا ئابدۇللاھنىڭ كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ نۇرلۇقى، شۇنداقلا ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلاپ تۆكۈلگەن ياشلىرىنىڭ سەۋەبى بىلەن يۈزلىرى نەمدەلگۈچى ئىكەنلىكى ئۇنى بىلىشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن يېتەرلىك بىر سۈپەتتۇر.
بىر يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سوفيان ھەج قىلىش ئۈچۈن چىقىدۇ. ئابدۇللاھمۇ بۇ يىلى ھەجگە چىققان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئابدۇللاھ ھېچقانداق ھوقۇق ۋە كۈچى يوق ھالەتتە ئىدى. مۇئاۋىيەنىڭ دۆلەت خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس ئەگەشكۈچىلىرى بار ئىدى. بىراق، ئابدۇللاھنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئىلمىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەگەشكەن نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى بار ئىدى. ئىلىم ئۇنى شۇ دەرىجىدە كۆتەرگەن ئىدى.
ئابدۇللاھ 71 يېشىغىچە ياشىدى. ئۇنىڭ ھاياتى ئەتراپىنى ئىلىم ھېكمەتكە، تەقۋاللىققا تولدۇرغان ھايات بولدى. ئۇ ۋاپات بولغاندا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنىفە ئۇنىڭ نامىزىغا ئىمام بولدى. ساھابىلەرنىڭ ھايات قالغان پىشقەدەملىرى، تابىئىنلارنىڭ پىشقەدەملىرى ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشتى. ئۇ يەرلىككە قويۇلۋاتقاندا بىر قارىنىڭ: (ئى ئارام تاپقۇچى جان! سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن. مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن، مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن( دەپ قىرائەت قىلغان ئاۋازى ياڭراپ تۇراتتى. ئاللاھ ھەمىمىزنىڭ ئىلىمدە، تەقۋالىقتا ئۇنىڭدەك بولۇشىمىزغا نېسىپ قىلسۇن. ئامىن!
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم
بۆلۈم: “ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم”ئابدۇللاھ بولسا، ئۇ ئاللاھ ئۇنىڭ ھەققىدە قۇرئاندا 16 ئايەت چۈشۈرگەن ئادەم بولۇپ، بۇ ئايەتلەر ئوقۇلىۋاتىدۇ، ئاسمان- زېمىن مەۋجۇداتلا بولسا تاكى قىيامەتكىچە ئوقۇلۇپ تۇرۇلىدۇ.
- تەپسىرشۇناسلار
ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايسى كىشى تەرىپىدىن يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىن ئەيىبلەنگەن؟ ئىشەنچلىك پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلىغا ۋەھىي ئېلىپ چۈشۈشكە سەۋەبچى بولغان ئۇ كىشى كىم؟
ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئەززىنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمدۇر.
قۇرەيش قەبىلىسىدىن بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇغقان بولۇپ، ئۇ - مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى خۇۋەيلىدنىڭ قىزى خەدىچەنىڭ تاغىسى ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى قەيس ئىبنى زائىد، ئانىسى ئابدۇللاھنىڭ قىزى ئاتىكە بولۇپ، ئاتىكە ئۇنى تۇغما ئەما ھالىتىدە تۇغقاچقا ئۇ ئۇممۇ مەكتۇم (ئەمانىڭ ئانىسى) دەپ ئاتىلاتتى.
مەككىدە ئاللاھنىڭ ئىلاھىي نۇرى كۆتۈرۈلگەندە ئابدۇللاھ مەككىدە بولۇپ ئاللاھ ئۇنىڭ دىلىنى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىۋەتكەنىدى. ئۇ دەسلەپتە ئىسلامغا كىرگۈچىلەردىن بولدى. ئۇ مەككىدىكى چېغىدا باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئوخشاشلا دىن يولىدا بېشىغا كەلگەن ئەزىيەتلەرگە چىدامچانلىق كۆرسىتىش، سەۋر قىلىش، مۇستەھكەم تۇرۇشتەك ئىرادىلىرى بىلەن تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. لېكىن باشىلىرىغا كەلگەن بۇ ئېغىر ئازاب سىناقلار ئۇلارنى بويسۇندۇرالمىدى. ئىمانى ئاجىزلاپ قالمىدى. تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرى، ئۇچۇرغان ئەزىيەتلىرىنىڭ بەدىلىگە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلىپ ئۇلارنى ھەرقانداق ئەھۋالدا قۇرئانغا مەھكەم ئېسىلىدىغان، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنى چۈشىنىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدىغان نېمەت بىلەن ئۇلارنى رىزىقلاندۇردى.
ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشى ۋە قۇرئان كەرىمنى يادلاشقا بولغان ئىشتىياقى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، ھەرقانداق بىر چاغدا ئازراق پۇرسەت تاپسىلا قۇرئان يادا ئىلىشقا تىرىشاتتى. دائىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ ئۇنىڭدىن ئىلىم ئېلىش ھېرىسلىكىدە يۈرەتتى. بۇ مەزگىللەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېخىمۇ كۆپ قۇرەيش كاتتىلىرىنىڭ ئىمان ئېيتىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇلار بىلەن پات - پات ئۇچۇرۇشۇپ تۇرۇۋاتاتتى. بىر كۈنى ئۇ ئۇتبە ئىبنى رەبىئە، ئۇنىڭ ئىنىسى شەيبە ئىبنى رەبىئە، ئەبۇ جەھل، ئەمر ئىبنى ھىشام، ئۇممەييە ئىبنى خەلەف ۋە ئاللاھنىڭ قىلىچى دەپ نام ئالغان خالىدنىڭ دادىسى ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرەلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارغا ئىسلامنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كىرىشىنى ھېچ بولمىسا ساھابىلىرىگە ئەزىيەت بېرىشتىن بولسىمۇ يېنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
دەل مۇشۇ چاغدا ئابدۇللاھ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە ئاللاھنىڭ سۆزىدىن بىرەر ئايەت ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ھېلىقى كىشىلەر تەرەپكە قارىۋالدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناۋادا ئۇ كىشىلەر ئىمان ئېيتسا ئاللاھنىڭ دىنى ئۇلۇغلىنىپ، ئۆزىنىڭ دەۋىتىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئويلىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئائىلىسىگە قايتىۋاتقاندا ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر مۈگدەش ئەۋەتىپ خۇددى بېشىغا بىر نەرسە ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلدۇردى، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى نازىل قىلدى: (يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى. (ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟
(بەلكى) ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن ياكى ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن ئۇ (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنىدى، سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن. (بۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنداق قىلمىغىن. بۇ ئايەتلەر ۋەزدۇر، خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ. ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر (ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر(.
ئابدۇللاھنىڭ سەۋەبى بىلەن ئىشەنچلىك ۋەھىي يەتكۈزگۈچى ئەلچى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېلىپ چۈشكەن بۇ ۋەھىيسى تاكى قىيامەتكىچە تىلاۋەت قىلىنىش شەرىپىگە ئېرىشتى.
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئولتۇرۇپ، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ كىشىگە ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئەجەپلەنگىدەك ھېچ يېرى يوق. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ سەۋەبىدىن يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
قۇرەيشلەر مۇسۇلمانلارغا ئەزىيىتىنى كۈچەيتكەنىدى، ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى ھىجرەت قىلىشقا بويرىدى. ئابدۇللاھ دىنى ئۈچۈن ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەنلەرنىڭ تۇنجى تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن ساھابىلەردىن مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئىچىدە مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى كىشىلەر ئىدى، ئۇ مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن ھەمراھى مۇسئەب ئىبنى ئۆمەر بىلەن بىرلىكتە كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۇلارغا قۇرئان ئۆگىتىشكە ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن بىلال بىلەن ئۇ ئىككىسىنى كۈندە بەش قېتىم ئەززان توۋلاشقا تەيىنلىدى. بىلال ئەززان توۋلىغاندا ئابدۇللاھ نامازغا تەكبىر ئېيتاتتى، ئابدۇللاھ ئەزان توۋلىغاندا بولسا بىلال تەكبىر ئېيتاتتى. بۇ ئىككىسىنىڭ رامىزان ئايلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلىك يېرى بولۇپ، روزا تۇتقۇچىلار بۇ ئىككىسىدىن بىرىنىڭ ئەزىنىدىن كېيىن سوھورلۇق يېسە يەنە بىرىنىڭ ئەزىنى بىلەن سوھورلۇق يېيىشتىن توختايتتى. يەنى بىلال كېچىسى ئەزان ئېيتىپ كىشىلەرنى ئويغاتسا، ئابدۇللاھ ۋاقىتنى كۈزۈتۈپ خاتالاشمايتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيدۇكى ئۆزىنىڭ مەدىنىدىن سىرتقا چىققان ئون نەچچە قېتىملىق سەپىرىدە ئۇنى ئۆز ئورنىغا مەدىنىدە مەسئۇل قىلىپ قالدۇرغان. بىر قېتىم مۇنداق بىر ئىش بولغانىدى. بۇ مەككىنى فەتھى قىلىشقا ماڭغان چاغدا بولغان.
بەدرى غازىتىدىن كېيىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە مۇجاھىدلارنى جەڭگە تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش، جەڭگە چىقمىغانلارنى ئۇيالدۇرۇش ئۈچۈن مۇجاھىدلارنى ماختاپ جەڭگە چىقانلارنىڭ چىقمىغانلاردىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى تەرىپلەشكە بۇيرۇپ ئايەت نازىل قىلدى. بۇ ئابدۇللاھقا ناھايىتى ئېغىر تۇيۇلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەگەر مەن جەڭ قىلىشقا قادىر بولالىغان بولسام چوقۇم جەڭ قىلاتتىم» دېدى. ئاندىن ئاللاھتىن ئۆزىگە ئوخشاش مېيىپلىقى سەۋەبىدىن جەڭگە چىقالمىغان كىشىلەر توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلدى. ئۇ يالۋۇرۇپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئۆزرەمنى نازىل قىلغىن!
ئى ئاللاھ مېنىڭ ئۆزرەمنى نازىل قىلغىن!» دەپ نىدا قىلدى. ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىي يازغۇچىسى زەيد ئىبنى سابىت بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىمجىت بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ يوتىسى مېنىڭ يوتامنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. ئۇنىڭ يوتىسى شۇنچىلىك ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدىكى مەن بۇنداق ئېغىرلىقنى زادى ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدىم. بىرئازدىن كېيىن ئۇ ئەسلىگە كېلىپ، ‹ئى زەيد، ياز!› دېدى. مەن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان: (مۆمىنلەردىن جەڭگە چىقمىغانلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ( دېگەن ئايەتنى يازدىم. بۇ چاغدا ئابدۇللاھ ئورنىدىن تۇرۇپ: ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنداقتا جىھاد قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟› دەپ سورىدى. ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يوتىسىنىڭ ئېغىرلىقى مېنىڭ يوتامنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئېغىرلىقى تېخىمۇ بەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. بىرئازدىن كېيىن ئۇ ئەسلىگە كېلىپ: ‹ئى زەيد يازغىنىڭنى ئوقۇ!› دېدى. مەن: ‹مۆمىنلەردىن جەڭگە چىقمىغانلارئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ› دەپ ئوقۇدۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹’ئۆزرىسى… ’- دەپ ياز› دەپ بۇيرىدى.»
ئابدۇللاھ ئارزۇ قىلغان ئايەت نازىل بولدى، ئاللاھ ئابدۇللاھ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جەڭگە چىقىشقا ئۆزرىسى بار كىشىلەرنى جەڭگە چىقىشتىن كەچۈرگەن تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ جەڭگە ھېرىسمەن كۆڭلى ئۆزرىسى بار كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ قېلىشقا ئۇنىماي ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەن ئىدى. چۈنكى ئىنساندىكى ئۇلۇغۋار روھ پەقەت ئۇلۇغۋار ئىش بىلەنلا قانائەتلىنىدۇ. ئابدۇللاھ شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزىنى جەڭ ئۈچۈن ھازىرلاپ قويدى ۋە مەككىنى پەتھى قىلىش جېڭىدە ئۆز ـ ئۆزىگە جەڭ ۋەزىپىسىنى بەلگىلەپ: «مېنى ئىككى سەپنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇرغۇزۇپ قولۇمغا بايراقنى تۇتقۇزۇپ قويۇڭلار، مەن ئەما جەڭدىن قاچالمايمەن، شۇڭا بايراقنى سىلەرگە چىڭ ساقلاپ بېرىمەن» دېدى.
ھىجىريەنىڭ 14 ـ يىلى خەلىپە ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) پارس دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ، مۇسۇلمان قوشۇنىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن يول ئېچىش قارارىغا كېلىپ ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمان باشلىقلارغا: قورالى، ئېتى، توغرا پىكىر قىلىش ئىقتىدارى، پاراسىتى بار قەيسەركىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى يېغىپ ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئەۋەتىڭلار! دەپ بۇيرۇق قىلدى. ئۆمەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان مۇسۇلمانلار تۈركۈملەپ مەدىنىگە يېتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇللاھمۇ بار ئىدى. ئۆمەر سەئد ئىبنى ۋەققاسنى قوشۇنغا قوماندان قىلىپ ئونى نۇرغۇن ۋەسىيەتلەر بىلەن جەڭگە ئۇزاتتى.
قوشۇن يۈرۈپ قادىسىيەگە يېتىپ كەلگەندە ئابدۇللاھ ساۋۇت كىيىپ، مۇسۇلمان قوشۇنىنىڭ بايرىقىنى قوغداش ياكى شۇ يولدا شېھىت بولۇشقا ئۆزىنى ئاتاپ مەيدانغا چىقتى.
ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇنى ئۇدا ئۈچ كۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە شىددەتلىك جەڭ قىلدى. ئۈچىنچى كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ زور غەلىبىسى بىلەن جەڭ ئاخىرلاشتى. چوڭ بىر دۆلەت ئاغدۇرۇلۇپ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر پايتەخت قولغا كېلىپ بۇددىستلار دۆلىتىدە تەۋھىد بايرىقى لەپىلدىدى. بۇ جەڭدە يۈز نەپەر مۇجاھىد شېھىت بولغان بولۇپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم شېھىتلار ئارىسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىقىنى چىڭ قۇچاغلىغىنىچە قانغا مىلىنىپ ياتاتتى.
ئەبۇزەر غىفارى
بۆلۈم: “ئەبۇزەر غىفارى”ئاسمان ـ زېمىن ئەبۇزەردىنمۇ سەمىمىي ئادەمنى كۆرۈپ باقىمىدى.
- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
تاشقى جەھەتتىن مەككە بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان ۋەددانە جىلغىسىدا غىفار قەبىلىسى ياشايتتى.
غىفارىلار قۇرەيشلەرنىڭ تىجارىتى بىلەن مېڭىۋاتقان كارۋانلارنىڭ شامغا بېرىپ ـ كېلىشتە بەرگەن ئازغىنا نەرسىلەر بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ئەگەر كارۋانلار رازى قىلغۇدەك نەرسە بەرمىسە، ئۇلار كارۋانلارنىڭ يولىنى توسايتتى.
ئەبۇزەر تەخەللۇسلۇق جۇندۇب ئىبنى جۇنادە بۇ قەبىلە پەرزەنتلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى.
ئۇ قوۋمنىڭ، ئاللاھ تائالانى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان، بۇتلىرىغا بەكمۇ ئىچى سىقىلاتتى. ئۇنىڭ ئىدىيىسى، كۆز قارىشى، ئەرەبلەرنىڭ بۇزۇق ئېتىقادى ۋە ھاماقەتلىكىگە قارشى ئىدى.
ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەقىل ۋە دىللىرىنى ئويغىتىپ ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىدىغان پەيغەمبەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتەتتى.
ئەبۇزەر ئۆز يېزىسىدىكى ۋاقتىدا، مەككىدە ئاشكارا بولغان پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلىدى ۋە ئىنىسى ئەنەسكە:
- سەن مەككىگە بېرىپ، ئۆزىنى پەيغەمبەر ۋە ئاسماندىن ماڭا ۋەھىي كېلىدۇ، دېگەن بۇ ئادەمنىڭ خەۋەرلىرىنى ئىگەللىگىن ۋە ئۇنىڭدىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ماڭا يەتكۈزگىن، - دەپ ئەۋەتتى.
ئەنەس مەككىگە بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشتى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قايتىپ كەلدى. ئەبۇزەر ئۇنى تەشنالىق بىلەن قارشى ئېلىپ، يېڭى پەيغەمبەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىشتىياق بىلەن سورىدى. ئىنىسى:
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! گۈزەل ئەخلاققا چاقىرىدىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ سۆزلىرى شېئىرغىمۇ ئوخشىمايدىغان، ناھايىتى بىر خىل جەلپ قىلارلىق ئىكەن، - دېدى.
-
كىشىلەر ئۇ توغرىسىدا نېمە دەيدىكەن؟
-
ساھىر، شائىر، كاھىن، - دەيدىكەن.
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ تەشنالىقىمنى قانائەتلەندۈرەلمىدىڭ، مەن بېرىپ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزۈم كۆرۈپ كەلگۈچە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويالامسەن؟
-
بولىدۇ، لېكىن سەن مەككىلىكلەردىن ئېھتىيات قىل.
ئەبۇزەر سەپەر تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ پەيغەمبەر بىلەن كۆرۈشۈش، ئۆزى بىۋاسىتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئەتىسىلا يولغا چىقتى.
ئەبۇزەر مەككىگە كەلدى، ئۇ بۇ يەردىكىلەردىن يامانلىق يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھۇشيار تۇردى.
قۇرەيشلەرنىڭ ئۆز ئىلاھلىرى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا غەزەپلىنىشى ۋە ئۆزىنىڭ مۇھەممەدكە ئەگەشكەنلىكىنى ئېيتقان بارلىق كىشىلەرنى ئازابلىغانلىق توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدى.
شۇڭلاشقا ئۇ مۇھەممەد توغرۇلۇق بېرەر كىشىدىن سورىمىدى، چۈنكى سورالغۇچى ئۇنىڭ دوستىمۇ ياكى دۈشمىنىمۇ ئۇ بۇنى بىلمەيتتى.
كەچ كىرگەندە ئۇ مەسجىدكە بېرىپ ياتتى، ئۇ يەردىن ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب ئۆتۈپ، بۇ كىشىنىڭ بۇ يەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدى ـ دە، ئۇنىڭغا:
-
ھەي ئادەم! بىزنىڭ قېشىمىزغا كەل، - دېدى ئەبۇزەر ئۇنىڭ بىلەن ماڭدى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى. ئەتىسى ئۇ ئوزۇق خالتىسىنى ۋە تولۇمنى ئېلىپ بىر ـ بىرىدىن گەپ سوراشمايلا، مەسجىدكە قايتتى. ئۇ ئىككىنچى كۈنىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇماي ئۆتكۈزدى، كەچتە مەسجىدكە بېرىپ ئۆز ئورنىدا ياتتى، ئەلى ئۇنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ:
-
قۇنالغۇغا قايتىدىغان ۋاقىت بولمىدىمۇ؟ - دېدى. ئەبۇزەر ئۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كېچىنىمۇ ئۆتكۈزدى. ئۈچىنچى كېچىسى بولغاندا ئەلى:
-
ماڭا مەككىگە كېلىش سەۋەبىڭنى ئېيتىپ بەرمەمسەن؟ دەپ سورىدى.
-
مەن تەلەپ قىلغان ئىشقا ياردەم بەرسەڭ ۋە شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭغا ۋەدە بەرسەڭ دەپ بېرەي، - دېدى ئەبۇ زەر. ئەلى ۋەدە بەردى.
-
مەن يىراق جايدىن يېڭى پەيغەمبەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن كەلدىم، - دېۋېدى، ئەلىنىڭ چىرايى ئېچىلىپ:
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ئۇ ھەق پەيغەمبەر… - دېدى ۋە - تاڭ يورىغاندا مەن بىلەن ماڭ، ئەگەر سەندىن ئەنسىرگىدەك بىر ئەھۋال بولسا تەرەت قىلغان بولۇپ تۇرىۋالىمەن، ئەگەر ماڭسام مەن كىرگەن ئۆيگىچە ماڭا ئەگىشىپ ماڭغىن، - دېدى.
ئەبۇزەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈشكە تەشنا بولۇپ، پۈتۈن كېچە ئورنىدا ياتالمىدى.
ئەتىگىنى ئۇلار ماڭدى، ئۇ ھېچنەرسىگە قارىماي، ئەلىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى، ئۇلار ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېشىغا كىردى. ئەبۇزەر:
-
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، - دەپ سالام قىلدى.
-
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، - دەپ جاۋاب قايتۇردى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
ئەبۇزەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى قېتىم ئىسلامىي سالام قىلغۇچى بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق سالاملىشىش مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئومۇملاشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇزەرنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ھەق سۆزىنى ئېلان قىلىپ، يېڭى دىنغا كىردى، ئۇ ئىسلام كەلتۈرگەنلەرنىڭ تۆتىنچى ياكى بەشىنچىسى بولدى.
بۇ كەچمىشىنى ئەبۇ زەر شۇنداق ئاڭلىتىدۇ:
شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە مەككىدە تۇردۇم، ئۇ ماڭا ئىسلامنى ئۆگەتتى، قۇرئان ئوقۇتتى، ئاندىن ماڭا:
-
ئىسلام كەلتۈرۈگىنىڭنى مەككىدە ھېچكىمگە دېمە، ئۇلارنىڭ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن، - دېدى.
-
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن قۇرەيشلىكلەر ئارىسىدا ھەق سۆزنى ئاشكارا قىلمىغۇچە مەككىدىن كەتمەيمەن، - دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىم تۇردى.
مەن قۇرەيشلىكلەر ئارىسىغا بېرىپ يۇقىرى ئاۋازىم بىلەن:
-
ئى قۇرەيشلەر گۇرۇھى! بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، - دېدىم. ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلىشى بىلەن چۆچۈپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى ۋە:
-
بۇ دىندىن چىققۇچىنى تۇتۇڭلار، دېيىشىپ، كېلىپ ئۇرۇشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب مېنى كۆرۈپ ئۇلاردىن قوغداش ئۈچۈن، مېنى قۇچاقلىۋالدى ۋە ئۇلارغا:
-
ھۇ، ھالاك بولغۇچىلار، سىلەر كارۋانلىرىڭلارنىڭ ئۆتۈش يولىدىكى غىفار قەبىلىسىنىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟! - دېدى. ئۇلار مېنى قويىۋەتتى.
مەن ھۇشۇمغا كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا باردىم، ئۇ مېنىڭ ھالىمنى كۆرۈپ:
-
سېنى ئىسلام كەلتۈرگەنلىكىڭنى ئاشكارا قىلىشىڭدىن ئاگاھلاندۇرمىغانمىدىم؟- دېدى.
-
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ بىر ھاجىتىم بار ئىدى، ئۇنى ئادا قىلدىم.
-
سەن قەۋمىڭگە بار، ئۇلارنى كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىڭدىن خەۋەرلەندۈر. ئۇلارنى ئاللاھ تەرىپىگە چاقىرغىن، بەلكى ئاللاھ ئۇلارغا سەن ئارقىلىق مەنپەئەت بېرىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەجىر بېرىشى مۇمكىن ئەگەر ساڭا مېنىڭ ئاشكارا بولغانلىقىم ئاڭلانسا، مېنىڭ قېشىمغا كەل، - دېدى.
مەن قەۋمىمنىڭ قېشىغا باردىم، قېرىندىشىم ئەنەس يولۇقۇپ:
-
نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟ - دەپ سورىدى.
-
مەن ئىسلام كەلتۈرۈپ، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرىگە ئىشەندىم، - دېدىم. ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىۋەتتى.
-سېنىڭ دىنىڭدىن يۈز ئۆرىمەيمەن، مەنمۇ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدۇم، - دېدى ئىنىم. بىز ئانىمىزنىڭ قېشىغا كەلدۇق ۋە ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدۇق، ئۇ:
- مەن دىنىڭلاردىن يۈز ئۆرىمەيمەن، - دەپ ئىسلام كەلتۈردى.
»
شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئائىلە كىشىلىرى پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن غىفار قەبىلىسىنى ئىسلامغا چاقىرىشقا كىرىشتى، نۇرغۇن كىشىلەر ئىسلامغا كىردى، ئۇلار ئارىسىدا نامازلار ئوقۇلدى. ئۇ قەبىلىدىكى بەزى كىشىلەر ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگۈچە كۈتۈپ ئاندىن ئىمان ئېيتتىمىز، دېيىشتى ـ دە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن ھامانلا ئىمان ئېيتىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ غىفار قەبىلىسىنى مەغپىرەت قىلسۇن! ئۇلار ئىسلامغا كىردى، ئاللاھ ئۇلارنى سالامەت قىلسۇن!» دېدى. تاكى بەدىر، ئوھۇد، خەندەك غازاتلىرى بولۇپ ئۆتكىچە ئەبۇ زەر ئۆز قەبىلىسى بىلەن بىرگە ياشاپ شۇنىڭدىن كېيىن مەدىنىگە كېلىپ ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ياشاشقا ئاتىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا رۇخسەت بېرىشنى سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قوشۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىزمەت قىلىشتەك نېمەتكە ئېرىشىپ بەختلىك بولدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى دائىم باشقىلاردىن بەكرەك ئەتىۋارلىدى. ئۇنىڭغا قاچانلا ئۇچرىسا خۇش تەبەسسۇم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەدىنە ـ مۇنەۋۋەر خوجايىنىدىن ئايرىلىپ ئۇنىڭ سۆھبەتلىرىدىن مەھرۇم قالدى. ئەبۇ زەر مەدىنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامسىز ياشاشقا تاقەت قىلالماي شامغا كۆچۈپ كېتىپ ئۇ يەردە تاكى ئابۇبەكرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) نىڭ خەلىپىلىك زامانىسىغىچە تۇردى. ئوسماننىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) خەلىپىلىك زامانىدا ئۇ دەمەشىققە كەلدى ۋە بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى باياشات بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ راھەت پاراغەتكە ناھايىتىمۇ بەك بېرىلىپ ـ كەتكەنلىكىنى كۆردى. ئوسمان ئۇنى مەدىنگە قايتىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇ مەدىنىگە كېلىپ بۇ يەردىمۇ كىشىلەرنىڭ مال دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى ـ دە، بۇ ئەھۋالدىن ئۇنىڭ يۈرىكى ناھايىتى بەك بىئارام بولدى. ئوسمان ئۇنى مەدىنىنىڭ يىراق بىر چېتىدىكى «رەبزە» دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بىر كەنتكە كېتىپ شۇ يەردە ياشاشقا رۇخسەت قىلدى. ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىدىن يىراق بولغان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئىككى خەلىپىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ياشىدى.
بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرى مېھمان بولۇپ كېلىپ ئۇنىڭ ھېچقانداق بىساتى بولمىغان ئۆيىگە سەپسېلىپ قاراپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا:
-
ئى ئەبۇ زەر، سېنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىڭ قەيەردە؟ - دەپ سورىدى.
-
بىزنىڭ لازىمەتلىكلىرىمىز ئاۋۇ يەردىكى ئۆيدە (يەنى ئاخىرەتتىكى ئۆيدە)، بىز پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ياخشىسىنى بىز ئاشۇ ئۆيگە ئەۋەتىمىز، - دېدى ئەبۇزەر.
-
لېكىن بۇ دۇنيادا ياشىشىڭلار ئۈچۈنمۇ سىلەرگە بىر نەرسىلەر كېرەكقۇ؟
-
ئۆي ئىگىسى ئاللاھ بىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ، - دېدى.
شام پادىشاھى ئۇنىڭغا خىراجەت قىلسۇن، دەپ 300 دىرھەم ئەۋەتكەندە، ئەبۇ زەر «شام پادىشاھى مەندىنمۇ بەتتەر ئاجىزراق بىرەرىنى تاپالىمىغانمىدۇ؟» دەپ ئۇ پۇلنى قايتۇرۋېتىدۇ.
ھىجىرىيەنىڭ 32 ـ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاسمان - زېمىن ئەبۇ زەردىنمۇ سەمىيمىرەك بىرەرىنى كۆرۈپ باقمىدى» دەپ تەرىپلىگەن زات ئەبۇ زەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئاللاھنىڭ ئەجەل ئەلچىسىگە جاۋابەن بۇ دۇنيادىن ئۆتتى.
زەيدۇلخەيرى
بۆلۈم: “زەيدۇلخەيرى”سەندە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى كۆرىدىغان، ئىككى خىسلەت بار: ــ سەۋرچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق.
- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
«كىشىلەر مەئدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ جاھىلىيەتتىكى ياخشىلىرى، ئىسلامدىمۇ ياخشى.» بۇ يەردە سىزگە ئۇلۇغ بىر ساھابىنىڭ ئىككى خىل ھاياتىنى بايان قىلىمىز.
ئۇنىڭ بىرسىنى جاھىلىيەتنىڭ قولى، يەنە بىرىنى ئىسلامنىڭ بارماقلىرى يېزىپ قالدۇرغان.
ئاشۇ ساھابە، كىشىلەر جاھىلىيەتتە چاقىرغىنىدەك «زەيدۇلخەيرى»، ئىمان ئېيتىپ ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاقىرىغىنىدەك «زەيدۇلخەيرى» ئىدى.
ئۇنىڭ دەسلەپكى ھاياتى توغرۇلۇق ئەدەبىي كىتابلاردا شەيبانى بەنى ئامىرلىق بىر شەيختىن مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ:
«بىزگە قورغاقچىلىق يىلى كېلىپ، زىرائەت، چارۋىلىرىمىز ۋەيران بولدى، بىزنىڭ ئىچىمىزدىن بىر ئادەم ئائىلىسى بىلەن ھىيرە دېگەن جايغا چىقتى، ئائىلىسىنى شۇ جايدا قالدۇرۇپ، ئۇلارغا:
-
مەن تاكى سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر بۇ يەردە مېنى كۆتۈڭلار، - دەپ بىرەر مال- دۇنياغا ئېرىشمىگۈچە قايتمايدىغانلىقىغا قەسەم قىلىپ ئاتلاندى. ئۇ پۈتۈن بىر كۈن مېڭىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە بىر چىدىرنى كۆردى، چىدىرغا يېقىن جايدا باغلاقلىق بىر تاي تۇراتتى، ئۇ ئۆزىگە:
-
بۇ غەنىمەتنىڭ ئاۋۋىلى، - دەپ ئۇنى يېشىشكە ئۇرۇندى، توساتتىن ئارقىسىدىن:
-
ئۇنىڭغا چېقىلما، جېنىڭنى ساقلا، - دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدى ۋە ئۇنى تاشلاپ يولىنى داۋام ئەتتى.
ئۇ يەتتە كۈن مېڭىپ، ئاخىرى تۆگىلەر قوتۇنى بار بىر جايغا كەلدى، ئۇنىڭ يېنىدا چوڭ بىر چېدىر بار بولۇپ، ئىچىدە نازۇنېمەتتىن بېشارەت بېرىپ تۇرىدىغان، تىرىدىن ياسالغان بىر گۈمبەز تۇراتتى، ھېلىقى ئادەم كۆڭلىدە: ‹بۇ قۇتاندا، چوقۇم تۆگە بار، شۇنداقلا چېدىردىمۇ ئادەم بار› دەپ چېدىر ئىچىگە قارىدى، بۇ ۋاقىتتا قۇياش پېتىشقا ئاز قالغان ئىدى، ئۇ چېدىرنىڭ ئوتتۇرىسدا ناھايىتى قېرى بىر بوۋاينى كۆردى، ئۇ بوۋاينىڭ ئارقىسىدا ئولتۇردى، بوۋاي بۇنى سەزمىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي قۇياشمۇ پېتىپ بىر ئاتلىق ئادەم بۇ يەرگە كەلدى، ئۇ بۇنداق قاۋۇل ئادەمنى كۆرمىگەن ئىدى، ئۇ ئېگىز ئېتىغا مىنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ- سول تەرىپىدە ئىككى خىزمەتكار بار ئىدى، ئۇلار بىلەن بىرگە يۈزگە يېقىن تۆگە بولۇپ، ئالدىدا چوڭ ئەركەك تۆگە بار ئىدى، ئالدىدىكى تۆگە چۆكىشى بىلەن بارلىق تۆگىلەر چۆكتى، ئاتلىق ئادەم خىزمەتكارنىڭ بىرىسىگە:
- بۇنى سېغىپ، بۇۋايغا ئىچكۈزگىن، - دەپ سېمىز بىر تۆگىنى كۆرسەتتى، خىزمەتكارى تۆگىنى ساغدى. قاچا تولغاندا بوۋاينىڭ ئالدىدا قويۇپ، يىراق تۇردى، بوۋاي سۈتتىن بىر، ئىككى يۇتۇم ئىچىپلا قويۇپ قويدى، ھېلىقى ئادەم مۇنداق دەيدۇ:
مەن بوۋاينىڭ ئالدىغا يوشۇرۇنچە بېرىپ، قاچىنى ئېلىپ سۈتنىڭ ھەممىسىنى ئىچتىم، خىزمەتكار كېلىپ قاچىنى ئالدى ۋە:
- ئى خوجايىن! ھەممىسىنى ئىچىپ بوپتۇ! - دېدى، ئاتلىق ئادەم خۇشاللىنىپ، خىزمەتكارغا: ئاۋۇنى سېغىپ بەرگىن، دەپ يەنە بىر تۆگىنى ئىشارەت قىلدى، خىزمەتكار بۇيرۇلغاننى قىلدى، بوۋاي ئۇنىڭدىن بىر يۇتۇملا ئىچىپ قويدى. ئاندىن مەن يوشۇرۇنچە ئۇنىڭ يېرىمىنى ئىچتىم، ئاتلىقنىڭ كۆڭلىدە گۇمان قوزغىماسلىق ئۈچۈن ھەممىنى ئىچمىدىم.
ئاتلىق ئادەم يەنە بىر خىزمەتكارنى قوي سويۇشقا بۇيرۇدى، قوي سويۇلۇپ بولغاندا، ئاتلىق ئادەم كېلىپ، بوۋاي ئۈچۈن گۆشتىن كاۋاب قىلدى، ئۆز قولى بىلەن تاماقمۇ قىلدى، بوۋاي تويغاندا ئاندىن ئاتلىق ئادەم ۋە خىزمەتكارلىرى يېيىشكە باشلىدى.
ئۇزاق ئۆتمەي ھەممىسى ئۇيقۇغا كەتتى.
بۇ چاغدا مەن ئالدىدا ماڭىدىغان تۆگە قېشىغا بېرىپ ئارغامچىسىنى يېشىپ ئۇنىڭغا مىنىپ ماڭدىم، باشقا تۆگىلەرمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئەگەشتى، مەن پۈتۈن كېچە ماڭدىم، تاڭ ئاتقاندا ئەتراپقا قاراشقا باشلىدىم.
مەن قۇياش كۆتۈرۈلگىچە ماڭدىم. تۇيۇقسىز بۈركۈت، ياكى چوڭ بىر قۇشچىلىك بىر نەرسىنىڭ يىراقتىن مەن تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، مەن ئۇنىڭ ئات ئۈستىگە مىنگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلىدىم. ئۇ ماڭا يېقىنلاشتى، مەن ئۇنىڭ تۆگىسىنى ئىزدەپ كەلگەن ئاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم ۋە تۆگىنى باغلاپ، ياچىقىمنى بەتلەپ ئوق ئۆزۈشكە تەييارلاندىم، ئۇ ئادەم ماڭا:
- تۆگىنى يېشىۋەت! دېدى.
-
ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن، ھىيرەدە بىر قانچە ئاچ قالغان ئاياللار قالغان، مەن ئۇلارغا مالغا ئېرىشمىگۈچە قايتماسلىققا قەسەم قىلغان، - دېدىم. ئۇ كىشى:
-
ئۇنداقتا سەن ئۆلۈپسەن، ھۇ يېتىمەك، تۆگىنى يېشىۋەت!- دەپ ۋاقىردى.
-
يېشىۋەتمەيمەن.
-
ۋاي سېنى! بەك كۈرەڭلەپ كەتمە، ماڭا تۆگىنى چەگكەن ئارغامچىنىڭ چېگىكىنى كۆرسەت، - دېدى.
ئۇنىڭدا ئۈچ چىگىك بار بولۇپ، ئۇ مەندىن قارىغا ئېتىپ قايسىسىغا تەككۈزۈشنى خالايدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئوتتۇرىدىكىگە ئىشارەت قىلدىم. ئۇ ئوقيانى خۇددى قولىدا ئەكېلىپ سانجىپ قويغاندەكلا تۆگىنچەكتىن ئۆتكۈزدى ئاندىن ئىككىنچى ئۈچىنچىسىگە ئاتتى، بۇ چاغدا مەن ئوقنى ئوقدىنىمغا سېلىپ، تەسلىم بولدۇم. ئۇ مېنىڭ قىلىچىم ۋە ياچىقىمنى ئېلىۋېلىپ:
-
ئارقامغا مىنگىن، - دېدى، مەن مىندىم. ئۇ، -مېنى قانداق قىلىدۇ، دەپ قارايسەن؟
-
يامانلىق قىلارمىكىن دەپ گۇمان قىلىمەن.
-
نېمە ئۈچۈن؟
-
سېنى جاپاغا سالغىنىم ۋە ساڭا قىلغانلىرىم ئۈچۈن.
-
ئاللاھ سېنى ماڭا يەتكۈزدى، سەن مۇھەلھىلىنىڭ يېمەك- ئىچمىكىگە شېرىك بولغان، ئاشۇ كېچىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان تۇرۇقلۇق، مېنى يامانلىق قىلىدۇ، دەمسەن؟
-
ئۇنداقتا سەن زەيدۇلخەيرىمۇ؟
-
شۇنداق.
-
ياخشى ئەسىر ئالغۇچى بول.
-
ساڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ، - دەپ مېنى ئۆيىگە ئەكەلدى ۋە ماڭا:
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ تۆگىلەر مېنىڭ بولغان بولسا، ساڭا بېرەتتىم، بۇلار مېنىڭ بىر ھەمشىرەمنىڭ تۆگىلىرى، سەن بىزنىڭ يېنىمىزدا بىر قانچە كۈن تۇرغىن، پات ئارىدا جەڭگە قاتنىشىپ ئۇنىڭدىن غەنىمەتكە ئېرىشمەن، - دېدى.
ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇ بەنى نۇمەير قەبىلىسى بىلەن جەڭ قىلىپ، يۈزگە يېقىن تۆگىنى غەنىمەت ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا بەردى، مەن بىلەن مېنى قوغداشقا بىر قانچە كىشىنى ئەۋەتتى، ئاخىرى ھىيرەگە قايتىپ كەلدىم.
مانا يۇقىرىقىلار زەيدۇلخەيرىنىڭ جاھىلىيەتتىكى ھايات ھېكايىلىرى.
ئەمما ئۇنىڭ ئىسلام كەلتۈرگەندىن كېيىنكى ھاياتى توغرىسىدا تەرجىمىھال كىتابلىرىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
زەيدۇلخەيرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ چاقىرىقلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىدىن خەۋەر تاپقىنىدا، ئۇلىغىنى تەييارلاپ، ئادەملىرىدىن بىر قانچە كاتتىلارنى يەسرىبنى زىيارەت قىلغاچ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن بېرىشقا چاقىردى.
نەتىجىدە تەيئىن خەلقىدىن ئەلچىلەر سەپەرگە ماڭدى، ئۇلار ئىچىدە، زۇررۇبنۇ سەدۇس، مالىك ئىبنى جۇبەير، ئامىر ئىبنى جۇۋەين قاتارلىقلار… بار ئىدى. ئۇلار مەدىنىگە كەلگەندە، ئۇلۇغ پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى تەرەپكە ماڭدى ۋە ئۇلاغلىرىنى چۆكتۈرۈپ مەسجىدكە كىردى. ئۇلار دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ۋاقتىدا كىرگەن بولۇپ، ئۇلار ئاڭلىغاىلىرىدىن ھەيران قېلىشتى، مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا باغلىنىپ قېلىشلىرى، سۈكۈتتە تۇرۇشلىرى ۋە سۆزلەردىن تەسرلىنىشلىرى ئۇلارنى ئەجەپلەندۈردى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىيارەتچىلەرنى كۆرگەندە، مۇسۇلمانلارغا:
- مەن سىلەرگە سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان ئۇززادىن ۋە بارلىق مەئبۇدلاردىن ياخشى،… مەن سىلەر ئۈچۈن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان قارا تۆگىدىن ياخشى،… - دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى زەيدۇلخەير ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەنلەرنىڭ قەلىبىدە ئىككى خىل تەسىر پەيدا قىلدى. بەزىلىرى ھەقىقەتكە ئاۋاز قوشتى، بەزىلىرى ھەقتىن قاچتى: بىر بۆلىكى جەننەت تەرەپكە، بىر بۆلىكى دوزاخ تەرەپكە بارىدىغان يولنى تاللىدى.
يەنى زۇرۇبنۇ سەدۇس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى، مۆمىن قەلبلەر ئۇنىڭغا تەلپۈنگەن، كۈزلەر ئۇنىڭغا تەلمۈرگەن يۈكسەك ئورۇندا كۆرۈپ، دىلىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ھەسەت قوزغالدى ۋە كۆڭلىگە ۋەھىمە چۈشۈپ يېنىدىكىلەرگە:
- مەن ئەرەبلەرگە باشلىق بولىدىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭغا بويسۇنمايمەن، دېگىنىچە شامغا يول ئېلىپ، ئۇ يەردە خرىستىئان دىنىغا كىرىپ راھىب بولۇپ كەتتى.
ئەمما زەيدۇلخەير ۋە باشقىلارنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا زەيدۇلخەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تۇردى، ئۇ كېلىشكەن قەددى قامەتلىك، ئېگىز بويلۇق كىشى بولۇپ، ئاتقا مىنسە ئېشەككە مىنگەندەك پۇتلىرى يەرگە سۆرىلىپ تۇراتتى، ئۇ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىلا:
-
ئى مۇھەممەد! مەن بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭگە، گۇۋاھلىق بېرىمەن، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
سەن كىم؟- دەپ سورىدى.
-
مەن مۇھەلھىلنىڭ ئوغلى زەيدۇلخەيلى.
-
بەلكى، سەن زەيدۇلخەيرى، زەيدۇلخەيلى ئەمەس. سېنى تاغ جىلغىلاردىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ، ئىسلامغا مايىل قىلغان ئاللاھ تائالاغا مەدھىيە بولسۇن!
شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ‹زەيدۇلخەيرى› دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆيىگە ئەكەلدى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە بىر بۆلۈك ساھابىلارمۇ ( ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) بار ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىدە زەيدكە ياستۇق تاشلاپ بەردى، لېكىن، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا يۆلىنىپ ئولتۇرۇشنى چوڭچىلىق دەپ بىلىپ، ياستۇقنى قايتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ياستۇقنى زورلاپ بەردى.
زەيد تاكى ئۈچ قېتىم قايتۇردى، كۆپچىلىك ئورۇن ئېلىپ بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيدقا:
-
ئى زەيد! ماڭا بىر ئادەم سۈپەتلەپ بېرىلسە، مەن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن سۈپەتلەنگىنىدىن تۆۋەنراق بولۇپ چىقاتتى، لېكىن سەن ئۇنداق ئەمەسكەنسەن، - دېدى. ئاندىن، -ئى زەيد! سەندە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى خىسلەت بار.
-
ئۇلار قايسى؟
-
سەۋرچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق.
-
مېنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ياقتۇرىدىغان خىسلەت ئۈستىدە ياراتقان ئاللاھ تائالاغا مەدھىيىلەر بولسۇن! - ئاندىن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، - ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا 300 ئاتلىق ئەسكەر بەرگىن، مەن رۇم دىيارىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىشقا كېپىللىك قىلاي، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
ئى زەيد! سەن نېمە دېگەن ياخشىلىقى كۆپ ئادەم؟! - دېدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام كەلتۈردى. ئۇلار نەجدىدىكى يۇرتلىرىغا قايتماقچى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن خۇشلىشىۋېتىپ، -بۇ ھەقىقەتەن ئېسىل ئادەمكەن! ئەگەر ئۇ مەدىنىدىكى ۋابادىن ساق قالسىلا، يەنە قانچىلىغان ياخشلىقلىرى بولاتتى؟! - دېدى.
بۇ چاغدا مەدىنە مۇنەۋۋەردە تەپ كېسىلدىن ئىبارەت تارقىلىشچان كېسەل بار ئىدى. ئۇ مەدىنىدىن ئايرىلىپلا ئاغرىپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ كېسىلى كۈچەيگەن تۇرۇقلۇق، نەجدىدىكى يۇرتىغا تېز بېرىشقا ئالدىرايتتى، ئۇ خەلقى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى ئىسلامغا كىرگۈزۈشتەك شەرەپنى ئاللاھتىن تىلەيتتى. ئەجەل ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتلىشىپ، سەپەر ئۈستىدىلا ئۇنىڭ ئاخىرقى نەپسى ئۆزۈلدى.
ئۇنىڭ ئىسلام كەلتۈرۈشى ۋە ئۆلۈمى ئارىسىدا گۇناھ سادىر بولغۇدەك پۇرسەت بولمىدى.
ئاللاھ ئىسلام كەلتۈرۈپ، ھېچقانداق گۇناھ سادىر قىلماستىن، دۇنيادىن ئايرىلغان زەيدىقا چەكسىز ئەجىر ئاتا قىلسۇن، ئامىن!
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد
بۆلۈم: “ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد”قۇرئاننى چۈشكەن پېتى ئوقۇپ ئۆزىنى خۇشال قىلماقچى بولغان ئادەم ئىبنى ئۇممۇ ئەبدى ئوقۇغاندەك ئوقۇسۇن.
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇ تېخى بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن ئۆسمۈر بولۇپ كىشىلەردىن يىراق جايدا، مەككىنىڭ تاغ جىلغىلىرىدا قۇرەيشلەرنىڭ ئاقساقىلى ئۇتبە مۇئىيتنىڭ قويلىرىنى باقاتتى، كىشىلەر ئۇنى «ئىبنى ئۇممۇئەبد» دەپ چاقىرشىاتتى، ئەمما ئۆز ئىسمى ئابدۇللاھ، ئاتىسىنىڭ ئىسمى مەسئۇد ئىدى.
بۇ ئۆز مىللىتىدە ئاشكارا بولغان پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى، لېكىن يېشىنىڭ كىچىكلىكى، ئارلىقىنىڭ يىراقلىقى سەۋەبلىك، ئۇ خەۋەرلەرگە ئانچە دىققەت قىلمايتتى. ئۇ، ئوقبەنىڭ قويلىرىنى ئەتىگەن ئېلىپ چىقىپ تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە بېقىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدى.
بىر كۈنى بۇ بالا، يىراقتىن ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان نەۋقىران ئىككىيلەننى كۆردى.
ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ئېسىللىكى چىقىپ تۇراتتى، ئۇلارغا قاتتىق ھارغىنلىق يەتكەن بولۇپ، قاتتىق ئۇسساپ كەتكەچكە، لەۋلىرى قۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ ئىككىيلەن ئابدۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، سالام قىلدى ۋە:
- ئى ئوغۇل! بىزگە قويلىرىڭدىن سېغىپ بەرسەڭ، ئۇسسۇلۇقىمىزنى قاندۇرۇپ، تۆمۈرلىرىمىزنى ياشارتىۋالايلى، - دېيىشتى.
ـــ ياق، ئۇنداق قىلالمايمەن، قويلار مېنىڭ ئەمەس، مەن بۇلارغا قارايدىغان ئادەم.
ئۇلار بالىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمىدى، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن رازىمەنلىك ئالامەتلىرى ئاشكارا بولدى ئۇلارنىڭ بىرى بالىغا:
ــــ ماڭا قوچقار يېقىنلاشمىغان بىر قوينى كۆرسىتىپ قوي، - دېگەندە، بالا ئۆزىگە يېقىن جايدىكى بىر چىشى پاقلاننى كۆرسىتىپ قويدى، ھېلىقى كىشى ئۇنى باغلاپ، ئەمچىكىنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئوقۇپ سېغىشقا باشلىدى. بالا ھەيران بولۇپ كۆڭلىدە: «قوچقار يېقىنلاشمىغان كىچىك قويدىن قانداقمۇ سۈت چىقىدۇ؟» دېگەننى ئويلىدى.
ئۇزاق ئۆتمەيلا پاقلاننىڭ ئەمچىكىدىن سۈتلەر ھەم كۆپ، ھەم تەبىئىي چىقىشقا باشلىدى، يەنە بىر ئادەم يەردىن ئوتتۇرىسى كاۋاك بىر تاشنى ئېلىپ ئۇنى سۈت بىلەن توشقۇزدى.
-
سۈتتىن ئۇ ۋە ھەمراھى ئىچىپ، ماڭىمۇ ئىچكۈزۈپ قويدى. مەن كۆرگەنلىرىمگە ئىشىنەلمەي قالدىم… - دەيدۇ ئابدۇللاھ، - بىز ئۇسسۇلۇقىمىزغا قانغاندا، ھېلىقى مۇبارەك ئادەم پاقلاننىڭ ئەمچىكىگە ‹يىغىل!› دېدى، ئەمچەك يىغىلىپ ئەسلىگە كەلدى. بۇ چاغدا مەن ئۇ ئادەمگە، - ماڭا سىز دېگەن گەپلەرنى ئۆگىتىپ قويۇڭ، - دېدىم. ئۇ ماڭا:
-
سەن ئۆگىتىلىدىغان بالا، - دېدى.
بۇ ئابدۇللاھنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان ھېكايىسىنىڭ باشلىنىشى.
ھېلىقى مۇبارەك كىشى دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى، ھەمراھى ئەبۇبەكرى سىددىق ئىدى.
ئۇ كۈنى ئۇ ئىككىيلەن قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئازاب ـ ئوقۇبەتلىرىدىن قوتۇلۇش ئۈچۈن مەككىنىڭ تاغلىرىغا قېچىپ چىققان ئىدى.
بۇ بالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، قەلبى ئۇلارغا باغلاندى، ئۇلارمۇ بۇ بالىغان قىزىقىپ، ئامانەتچان كەسكىنلىكىنى چوڭ بىلىپ، بۇ بالىدىن ياخشى ئىشلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىدى.
بۇ بالا (ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد) ئۇزاق ئۆتمەي ئىسلام كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى خىزمىتىگە قويدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ تەلەيلىك بالا، قوي بېقىشتىن، پۈتكۈل مەخلۇقات ۋە مىللەتنىڭ رەھبىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا يۆتكەلدى.
ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى، ئولتۇرسا، تۇرسا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇخلىسا ئويغىتاتتى، يۇيۇنسا دالدا بولۇپ بېرەتتى، سىرتقا ماڭماقچى بولسا، ئايىغىنى كەيگۈزەتتى. كىرگەندە سالغۇزاتتى، ئۇنىڭ مىسۋاك، ھاسىلىرىنى كۆتۈرەتتى.
ھۇجرىسىغا ئۇنىڭ ئالدىدا كىرەتتى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ خالىغان ۋاقتىدا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان بولۇپ، ئۇ خىجىل بولماستىن گۇناھ دەپ قارىماستىن ئۇنىڭ مەخپىي ئىشلىرىنىمۇ تىڭشايتتى، شۇڭا ئۇ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەخپىيىتىنى بىلىدىغان كىشى» دەپ چاقىرىلاتتى.
ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە تەربىيىلەندى، ئۇنىڭ پرىنسىپى بويىچە ئىشلىدى. ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرقانداق خىسلەتتە ئۇنىڭغا ئەگەشتى، ھەتتا بۇ توغرىسىدا: ئابدۇللاھ ھىدايەت ۋە ئەخلاق جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ يېقىن ئادەم دېيىلگەن.
ئىبنى مەسئۇد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەكىتىپىدە ئوقۇپ ساھابىلەرنىڭ ئەڭ قارىسى، قۇرئاننىڭ مەنىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ئەڭ ئالىم بولدى.
بۇنىڭغا ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كەلگەن مۇنۇ كىشىنىڭ ھېكايىسى ئەڭ ياخشى دەلىل:
ئۆمەر: ئەرەفاتتا تۇرىۋاتاتتى، ھېلىقى ئادەم ئۆمەرگە:
ـــ ئى مۆمىنلار خەلىپىسى! مەن كۇفىدىن كەلدىم. ئۇ يەردە قۇرئاننى تولۇق يادقا ئوقۇيدىغان بىر ئادەم قالدى، - دېدى.
ئۆمەر قاتتىق ئاچچىقلاندى، ئۇ قىسمەن ۋاقىتلاردىلا مۇشۇنداق ئاچچىقلىناتتى. ھەتتا ئاچچىقلانغىنىدىن كۆپۈپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايلا قالدى:
ــــ ھالىڭغا ۋاي، كىمكەن ئۇ؟!
ــــ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد.
ئۆمەرنىڭ ئاچچىقى پەسىيىپ تەدرىجىي بېسىقتى ۋە:
- ۋاي ئىسىت سېنى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن كىشىلەر ئىچىدىن ئۇنىڭدىنمۇ بەك، بۇ ئىشقا لايىق ئادەمنىڭ قالغىنىنى بىلمەيمەن، ساڭا ئۇ توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەي، - دەپ سۆزىنى يېڭىدىن باشلىدى، -بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرىنىڭ قېشىدا سىردىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى، مەن ئۇلار بىلەن بىرگە ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىرتقا چىقتى، بىز ئۇنىڭ بىلەن چىقتۇق بىر ئادەم مەسجىدتە ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بىز ئۇنى تونۇيالمىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قۇلاق سالدى ۋە بىزگە:
ـــ قۇرئاننى چۈشكەندىكىدەك ئۆز پېتى ئوقۇپ، ئۆزىنى خۇشال قىلماقچى بولغان ئادەم ئىبنى ئۇممۇئەبدىنىڭ ئوقۇغىنىدەك ئوقۇسۇن… - دېدى، ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد دۇئا قىلىشقا باشلىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
ــ سورىغىن! بېرىلىدۇ، سورىغىن، ئېرىشىسەن…، - دېيىشكە باشلىدى.
ئۆمەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
ـــ مەن ئىچىمدە: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەتىگەنلىككە ئابدۇللاھنىڭ قېشىغا بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ قىلغان دوئاسىغا ئامىن دېيىشىپ بەرگىنىدىن خۇش خەۋەر بېرىمەن› دەپ ئويلىدىم. مەن ئەبۇبەكرىنىڭ مەندىن بۇرۇن كېلىپ بولغانلىقىنى بىلدىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەبۇبەكرى ھەرقانداق بىر ياخشىلىقتا مەندىن ئۆتۈپ كېتەتتى.»
ئابدۇللاھنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىشى شۇ دەرىجىدە ئىدىكى، ئۇ مۇنداق دەيتتى:
ـــ يەككە يېگانە ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئاللاھنىڭ كىتابىدىن چۈشكەن ھەرقانداق بىر ئايەتنى قەيەردە، نېمە توغرىسىدا چۈشكەنلىكىنى، بىلىمەن، ئەگەر مەن بىرەرسىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىنى مەندىن ياخشىراق بىلىدىغىننى ئۇقسام، مۇمكىن بولسىلا ئۇنىڭ قېشىغا بارىمەن.
ئۇ دېگەن سۆزىدە ئاشۇرىۋەتمىگەن ئىدى. ئۆمەر ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر سەپىرىدە بىر كارۋانغا ئۇچراپ قالىدۇ. كىچە تۇمانلىق بولۇپ كارۋانلار بىر ـ بىرنى كۈرەلمەيتتى، بۇ كارۋانلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇللاھمۇ بار ئىدى. ئۆمەر بىر كىشىنى بۇ كارۋانلارغا توۋلاشقا بۇيرۇدى: ئۇ كىشى:
ـــ سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟ - دەپ توۋلىدى.
ـــ يىراق ۋادىدىن.
ـــ قەيەرگە بارىسىلەر؟
ـــ قەدىمىي ئۆيگە،
ئۆمەر قېشىدىكىلەرگە:
-
بۇ كارۋانلار ئىچىدە چوقۇم بىلىملىك ئادەم بار ئىكەن، -دەپ بىر ئادەمنى، ـــ قۇرئاننىڭ قايسىسى ئەڭ بۈيۈك؟ - دەپ سوراشقا بۇيرۇدى.
-
(بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر، مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇيقۇ باسمايدۇ،…( - دەپ جاۋاب بېرىلدى.
ـــ قۇرئاننىڭ قايسى ئايىتى ھېكمەتلىك؟
-
(ئاللاھ ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا، يېقىن تۇغقانلارغا خەيرى ئېسھان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ(.
-
قۇرئاننىڭ قايسى ئايىتى ئەڭ ئومۇمىي؟
-
(كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ(.
ـــ قۇرئاننىڭ قايسى ئايىتى ئەڭ قورقىتارلىق؟
ــ (بەخت - سىلەرنىڭ ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن جازالىنىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن باشقا دوست ۋە مەدەتكار تاپالمايدۇ(.
ـــ قۇرئاننىڭ قايسى ئايىتى ئەڭ ئۈمىدلەندۈرەرلىك؟
- (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن ئېيتقىنكى، جىنايەتكار بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، ئۇ خالىغان گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(.
ـــ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد بارمۇ؟
ـــ شۇنداق، بار!
ئابدۇللاھ - قارى، ئىبادەتكار، تەقۋا، بولۇپلا قالماي، يەنە كۈچلۈك، كەسكىن جەڭ قىلغۇچى، ئىش چىڭىغا چىقسا قەيسەر ئىدى.
ئۇنىڭ شۇنداق قىلغىنىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن قۇرئاننى ئۈنلۈك ئوقۇغان يەر يۈزىدىكى تۇنجى مۇسۇلمانلىقى كۇپايە.
بىر كۈنى مەككىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى يىغىلدى، ئۇلار ئاز ۋە ئاجىز ئىدى. ئۇلار:
- ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قۇرەيشلەر قۇرئاننىڭ ئۈنلۈك ئوقۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىم ئۇلارغا قۇرئاننى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ؟ - دېيىشتى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد:
بۆلۈم: “ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد:”ــــ مەن ئوقۇي.
ـــ بىز ئۇلارنىڭ ساڭا زىيان يەتكۈزىشىدىن ئەنسىرەيمىز، بىز قوغدىيالايدىغان ۋە ئۇلاردىن توسۇپ قالالايدىغان ئورۇق تۇغقانلىرى بار ئادەمنى دېمەكچى ئىدۇق.
ــ مېنى قويۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ مېنى قوغداپ ئۇلارنى توسىدۇ، - ئابدۇللاھ ئەتىسى ئەتىگىنى چاشگاھ ۋاقتى بىلەن ماقامى ئىبراھىمغا كەلدى، قۇرەيشلىكلەر كەئبىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇشاتتى، ئۇ ماقامى ئىبراھىمدا تۇرۇپ:
ـــ (مېھرىبان ئاللاھ قۇرئاننى تەلىم بەردى (ئۇنى ھىپزى قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى)، ئىنساننى ياراتتى. ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن) سۆزلەشنى ئۆگەتتى…( دەپ ئوقۇشقا باشلىدى. -[سۈرە رەھمان 1 ـــ 4 ـ ئايەتكىچە]
ـــ ئىبنى ئۇممۇئەبدى نېمە دەۋاتىدۇ؟ يوقالسۇن، ئۇ مۇھەممەد ئوتتۇرىغا قويغان نەرسىنىڭ بەزىسىنى تىلاۋەت قىلىۋاتىدىغۇ؟… - دېيىشتى قۇرەيشلەر.
ئۇلار ئابدۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ تەستىكىگە ئۇرۇشقا باشلىدى، لېكىن ئۇ، ئوقۇشنى توختاتماستىن تاكى ئاللاھ يەتكۈزۈشنى خالىغان جايىغىچە ئوقۇدى… ئاندىن ساھابىلەر قېشىغا قايتتى، ئۇنىڭ بەدىنىدىن قانلار ئېقىۋاتاتتى، ساھابىلەر:
ـــ بىز سىنىڭدىن ئەنسىرگەن ئىش مۇشۇ ئىدى، - دېيىشتى.
ـــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ھازىر مېنىڭ نەزىرىمدە ئاجىز ئىكەن، خالىساڭلار ئەتە يەنە بېرىپ مۇشۇنداق قىلاي.
ـــ ياق بۇ يېتەرلىك، سەن ئۇلارغا، ئۇلار يامان كۆرىدىغان نەرسىنى ئاڭلىتالىدىڭ.
ئابدۇللاھ ئوسمان خەلىپە بولغان دەۋرىگىچە ياشىدى، ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا، ئوسمان ئۇنى يوقلاپ كېلىپ ئۇنىڭدىن:
ـــ قەيىرىڭ بەك بىئارام قىلىۋاتىدۇ؟
ـــ مېنىڭ گۇناھلىرىم.
ـــ كۆڭلۈڭ نېمىنى ئارزۇ قىلىدۇ؟
ـــ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى.
- ساڭا بىر قانچە يىلدىن بېرى ئېلىشقا ئۇنىمغان نېسۋىلىرىڭنى بۇيرۇپ بېرەيمۇ؟!
ـــ ياق، ئۇنىڭغا ھاجىتىم يوق.
- سېنىڭدىن كېيىن قىزلىرىڭ ئىشلىتەر.
ـــ سەن قىزلىرىمنىڭ كەمبەغەل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىۋاتامسەن؟ مەن ئۇلارنىڭ ھەر كېچىسى سۈرە «ۋاقىئە» نى ئوقۇشقا بۇيرىدىم،… مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى سۈرە ۋاقىئەنى ئوقۇسا، مەڭگۈ كەمبەغەللىق، موھتاجلىق يەتمەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
ئابدۇللاھ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەن ۋاقتىدا تىللىرى ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن نەم، ئايەت ئوقۇش بىلەن ھۆل ئىدى…
سالمان پارسى
بۆلۈم: “سالمان پارسى”سالمان بىزنىڭ ئائىلە كىشىلىرىدىن.
بۆلۈم: “سالمان بىزنىڭ ئائىلە كىشىلىرىدىن.”- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
بىزنىڭ بۇ ھېكايىمىز، ئاللاھ توغرىسىدا ئىزدىنىپ، ھەقىقەتەن كەينىدىن يۈگۈرگۈچى سالمان پارسى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە ئۇنى رازى قىلسۇن) نىڭ ھېكايىسى.
ئۇ كەچمىش ھېكايىلىرىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ:
مەن جەييان دەپ ئاتىلىدىغان كەنتنىڭ ئەسفېھان جەمەتىدىكى فارسلىق يىگىت ئىدىم. دادام شۇ كەنتنىڭ باشلىقى، بايىلىقى ھەممىدىن كۆپ، مەرتۋىسى ھەممىدىن يۇقىرى ئادەم ئىدى. تۇغۇلۇشۇمدىن بېرى ئۇ مېنى بەك ياخشى كۆرەتتى. مەن چوڭايغانسېرى ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى كۈچىيىپ، ھەتتا مەندىن ئەنسىرەپ قىزلارغا ئوخشاش ئۆيدىن باشقا يەرلەرگە بارغۇزمايتتى.
مەن زەردۇشت (ئوتقا چوقۇنىدىغان دىن) دىنىنى تىرىشىپ ئۆگەندىم. ھەتتا بىز چوقۇنىدىغان ئوتنىڭ قارىغۇچىسى بولۇپ، ئوتنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئوت يېقىش ئىشى ماڭا تاپشۇرۇلدى.
دادامنىڭ چوڭ بىر پارچە تېرىلغۇ يېرى بولۇپ، بىزگە نۇرغۇن كىرىم كىرەتتى، دادام ئۇ يەرنى ئۆزى باشقۇراتتى كىرىمنى يىغاتتى، بىر قېتىم مۇھىم بىر ئىش سەۋەبىدىن ئۇ يەرگە بارالمىدى ـ دە، مېنى چاقىرىپ:
ـــ ئى ئوغلۇم! كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ئېتىزلىققا بارالمايدىغان بولدۇم، سەن بېرىپ بۈگۈنچە ئۇ يەرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ تۇرساڭ، - دېدى. مەن ئېتىزلىققا قاراپ ماڭدىم. يولدا خرىستىئانلارنىڭ چىركاۋى يېنىدىن ئۆتىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم، ئۇلار ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن. بۇ مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى.
دادام مېنى ئۇزاق مەزگىل جەمئىيەت كىشىلىرىدىن ئايرىۋەتكەچكە، جەمئىيەت ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم بەك ئاز ئىدى. شۇڭا خرىستىئان ۋە باشقا دىندىكىلەرنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئىچىگە كىردىم. مەن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقىپ قالدىم، ئۇلارنىڭ نامىزى مېنى جەلپ قىلىۋالدى. مەن ئۆز ـ ئۆزۈمگە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ بىزنىڭ چوقۇنۇۋاتقان دىنىمىزدىن ياخشى ئىكەن… » دېدىم.
ئۇلارنىڭ قېشىدىن تاكى قۇياش پاتقىچە قايتمىدىم، دادامنىڭ ئېتىزلىقىغىمۇ بارمىدىم، مەن چىركاۋدىكىلەردىن سورىدىم:
ـــ بۇ دىنىنىڭ ئەسلى مەنبەسى قەيەردە؟
ـــ شام دىيارىدا.
قاراڭغۇ چۈشكەندە، ئائىلەمگە كەلدىم، دادام مەندىن نېمە قىلغانلىقىمنى سوراشقا باشلىدى. مەن:
ـــ ئى ئاتا! مەن كېتىۋېتىپ، چىركاۋدا ناماز ئوقۇۋاتقان بىر بۆلۈك كىشىلەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قىزىقىپ قېلىپ، قۇياش پاتقانغا قەدەر شۇ يەردە بولدۇم.
ـــ ئى ئوغلۇم! ئۇ دىندا ھەرگىز ياخشىلىق يوق، ئۆزۈڭنىڭ دىنى ئۇلارنىڭ دىنىدىن كۆپ ياخشى.
ـــ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئۇلارنىڭ دىنى بىزنىڭ دىنىمىزدىن ياخشى.
دادام بۇ ئەھۋاللاردىن قورقتى. مېنىڭ ئەسلى دىنىمدىن چىقىپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەپ مېنى كىشەنلەپ ئۆيىگە سۇلاپ قويدى.
مەن پۇرسەت كەلگەندە خرىستىئانلارنىڭ قېشىغا:
ـــ ئەگەر شامغا بارىدىغانلار كېلىپ قالسا مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇڭلار دەپ ئادەم ئەۋەتتىم.
ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يەرگە بارىدىغانلار كەپتۇ، ئۇلار ماڭا خەۋەر قىلىشتى. مەن كىشەندىن بوشىنىپ، يوشۇرۇنچە ئۇلار بىلەن يولغا چىقىپ، شامغا يېتىپ كەلدۇق، مەن چۈشۈپلا كىشىلەردىن:
ـــ بۇ دىندىكى ئەڭ ياخشى ئادەم كىم؟ - دەپ سورىدىم.
ـــ چىركاۋدىكى باش روھانى.
مەن ئۇ باش روھانىنىڭ قېشىغا كەلدىم. ئۇنىڭغا:
- مەن دىنىڭلارغا قىزىقىمەن سېنىڭ قېشىڭدا سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇشنى، سەندىن تەلىم ئېلىشنى ۋە سەن بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلىشنى خالايمەن، - دېدىم.
ـــ كىرگىن!…
مەن، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا كىرىشتىم، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئانچە ياخشى ئادەم ئەمەسلىكىنى سەزدىم.
ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇپ، ئۇنىڭ ساۋابىغا قىزىقتۇراتتى، ئەگەردە ئۇلار ئاللاھ يولىغا سەرپ قىلىشقا نەرسە بەرسە، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن يوشۇراتتى، كەمبەغەللەرگە بەرمەيتتى، ھەتتا ئۇ يەتتە كوزا ئالتۇن يىغىدى. مەن بۇ كۆرىۋاتقان ئىشلىرىم تۈپەيلى ئۇنى ناھايىتى يامان كۆردۈم. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئۆلدى، خرىستىئانلار ئۇنى دەپنە قىلىشقا يىغىلغاندا مەن ئۇلارغا:
ـــ سىلەرنىڭ بۇ ئادىمىڭلار ئەسكى ئادەم ئىكەن، ئۇ سىلەرنى سەدىقىگە بۇيرۇپ، سىلەر ئەكەلسەڭلار ئۇنى ئۆزىگە يوشۇرۇپ، مىسكىنلەرگە ھېچنەرسە بەرمەي ئۆزىنىڭ قىلىۋالاتتى، - دېدىم.
ـــ سەن بۇ ئىشنى قانداق بىلدىڭ؟
ـــ سىلەرگە ئۇ مال ـ دۇنيا يىغقان جاينى كۆرسىتەي.
ـــ بولىدۇ، بىزگە كۆرسەت.
مەن ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويدۇم، ئۇلار ئالتۇن كۆمۈش قاچىلانغان يەتتە كۆزىنى ئېلىپ چىقىپ كۆرۈپ، ھەممىسى بىردەك:
ـــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇنى دەپنە قىلمايمىز، - دېيىشىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى دارغا ئېسىپ، چالما ـ كېسەك قىلدى.
بۇ ئىش بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار يەنە بىر ئادەمنى ئۇنىڭ ئورنىغا تىكلىدى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا بولدۇم. مەن دۇنياغا ئۇنىڭدىنمۇ تەقۋا، ئاخىرەتكە بۇ كىشىدەك قىزىقىدىغان، كېچە ـ كۈندۈز ئىبادەتكە ئادەتلەنگەن بىرەرسىنى كۆرمىگەن ئىدىم. مەن بۇ كىشىنى ئىنتايىن ياخشى كۆردۈم. بىر مەزگىل ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدۇم. ئۇ سەكراتقا چۈشكەندە:
ـــ ئى پالانى! مېنى كىمگە تاپشۇرىسىز كىم بىلەن بولۇشۇمغا بۇيرۇيسىز؟- دېدىم. ئۇ:
ـــ ئى ئوغلۇم! مەن مەۋسىل دېگەن جايدىكى، بىر ئادەمدىن باشقىسىنىڭ بۇ دىنىمىزدا مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئۇ پالانى بولۇپ، ئۆزگەرمەي، ئازماي تۇرغان، سەن ئۇنىڭغا قوشۇلغىن، - دېدى.
مەن مەۋسىلدىكى ئادەمگە قوشۇلدۇم، مەن ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە كەچۈرمىشىمنى سۆزلەپ:
- پالانى ئۆلۈش ئالدىدا، سىزگە قوشۇلۇشۇمغا بۇيرۇپ، سىزنىڭ ھەقىقەتكە چىڭ يېپىشقانلىقىڭىزنى خەۋەر قىلغان، - دېدىم.
ـــ مېنىڭ يېنىمدا تۇرغىن، - دېدى ئۇ.
مەن ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭمۇ ياخشىلىقىنى ھېس قىلدىم، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭغا ئەجەل كەلدى، ئۆلۈش ئالدىدا، مەن ئۇنىڭدىن:
ـــ ئى پالانى! سىزگە ئاللاھ تائالانىڭ ئەجىلى كەلگىلىۋاتىدۇ، سىز مېنى كىمگە قوشۇلىشىمغا بۇيرۇيسىز؟ - دەپ سورىدىم.
ـــ ئى ئوغلۇم! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، نەسىيبىن دىكى بىر ئادەمدىن باشقىلارنىڭ بىزنىڭ دىنىمىزدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، سەن ئۇنىڭغا قوشۇلغىن، ئۇ پالانى، - دېدى.
بۇ ئادەم لەھەتكە قويۇلغاندا مەن نەسىيبىلىك كىشىگە قوشۇلدۇم ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھىنىڭ ئۆزىگە قوشۇلۇشۇمنى ئېيتقانلىقىنى دېدىم.
ـــ بوپتۇ، قالغىن، - دېدى ئۇ.
مەن، بۇ ئادەمنىڭمۇ، ئىككى ھەمراھىدەك ياخشىلىق ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى بايقىدىم، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭغىمۇ ئەجەل كەلدى. ئۆلۈش ئالدىدا مەن:
ـــ سەن ئەمدى مېنى كىمگە تەۋسىيە قىلىسەن؟ - دېدىم.
ـــ ئى ئوغلۇم! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئەرمۇنيەدىكى بىر كىشىدىن باشقىسىنىڭ بىزنىڭ يولدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئۇ پالانى، ئۇنىڭغا قوشۇلغىن، - دېدى.
مەن ئۇنىڭغا ئۆز يېنىدا تۇرۇشنى ئېيتتى، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئۇمۇ، ياخشىلارنىڭ يولىدىكى ئادەم ئىكەن، مەن ئۇنىڭ قېشىدا تۇرۇپ، بىر قانچە قوي ـ كالىغا ئىگە بولدۇم، ئوزون ئۆتمەي، ئۇنىڭغىمۇ ئاللاھنىڭ قازاسى كەلدى، ئۆلۈش ئالدىدا مەن ئۇنىڭغا:
-
سىز مېنىڭ ئىشلىرىمنى بىلىسىز، مېنى كىمگە قالدۇرۇسىز، نېمە ئىش قىشلىشقا بۇيرۇيسىز؟ - دەپ سورىدىم.
-
ئى ئوغلۇم! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن يەر يۈزىدە بىرەرسىنىڭ بىزنىڭ يولىمىزغا چىڭ يېپىشىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن…
