00. تەبرىك سۆز، كىتاب ھەققىدە ۋە مۇئەللىپ تەرجىمىھالى
رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا): «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى»، دەيدۇ. «قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ كالامى، نۇقسانسىز مۇقەددەس كالام. ھەر كىم «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆلچىمىگە چۈشسە، ئۇ خەلقى ئالەم ئىچىدە ئەڭ سۆيۈملۈك ئەڭ كامىل ۋە ھەقىقىي سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان ئادەم بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
مۇسۇلمانلار (رەسۇلۇللاھقا بولغان) بۇ قىممەتلىك مۇھەببەتكە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد شۇنداق چىڭ ئېسىلىپ كەلدىكى، ئۇنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە ھىجرىيە 1396- يىلى (مىلادىيە 1976- يىلى) پاكىستاندا «پەيغەمبەر ئەلەيھى-سسالامنىڭ تەرجىمىھالى» توغرىسىدىكى تۇنجى ئىسلام ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئىتتىپاقىمىز «مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن تېمىدا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەڭ ياخشى بەش ئەسەرگە نەق پۇل مۇكاپاتى تارقىتىدىغانلىقىنى، مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسى 150 مىڭ رىيال (سەئۇدى ئەرەبىستان پۇلى) بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت بولغان:
1. ئەسەر تارىخى ۋەقەلىكلەرنى تولۇق، مۇكەممەل، رەتلىك، ئۆز ئەينى بايان قىلغان بولۇشى؛
2. ئەڭ ئىلغار سەۋىيىدە يېزىلغان بولۇشى، ئىلگىرى نەشر قىلىنمىغان بولۇشى؛
3. مۇئەللىپ پايدىلانغان ئەسەرلەرنى ۋە ئۈزۈندە ئالغان ئىلمىي مەنبەلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشى؛
4. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ ئىلمىي قابىلىيىتى ۋە ئەسەر ئىجادىيەتلىرىنى بايان قىلىشى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يېزىپ چىقىشى؛
5. ئوچۇق، روشەن، ئىخچام يېزىلىشى ۋە خەت ئۇرۇش ماشىنىسى بىلەن قايتا ئۇرۇپ ئىسلاھ قىلىنغان بولۇشى؛
6. ئەسەر ئەرەب تىلى ۋە باشقا ھەر قايسى جانلىق تىللاردا يېزىلسا بولىدۇ.
7. ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىش ئىشى ھىجرىيە 1396- يىلى رەبىئۇسسانىي(4- ئاي)دا باشلىنىپ، 1397- يىلى مۇھەررەم ئېيىدا ئاخىرىلاشتۇرىلىدۇ.
8. ئەسەر سېلىنغان كونۋېرتنىڭ ئېغىزىنى پۇختا ئېتىپ، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ مەككىدىكى ئىش بېجىرىش ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىش لازىم. ئورگان مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، ئەسەرلەرگە قوبۇل قىلىنىش رەت-تەرتىپى بويىچە نومۇر قويۇپ چىقىدۇ.
9. ئورگىنىمىز يەنە مۇشۇ ساھەدە يېتىشكەن نوپۇزلۇق ئۆلىمالاردىن بىر كومىتېت تەشكىللەپ، ئەسەرلەرگە قارىتا كۆزدىن كۆچۈرۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ ئېلان رەسۇلۇللاھنىڭ مۇھەببىتى ئاتا قىلىنغان مۆھتەرەم ئۆلىمالىرىمىزنىڭ قىزغىن ئىزدىنىشىگە ۋە بەس-بەستە قەلەم تەۋرىتىشىگە زور تۈرتكە بولدى. ئىتتىپاقىمىزمۇ ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، ئوردۇچە ۋە باشقا تىللاردا يېزىلغان بۇ ئەسەرلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق كۆردى. ئۆلىمالىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى ئەۋەتىشكە باشلىدى. تاپشۇرۇۋېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 171گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرەب تىلىدا يېزىلغىنى 84، ئوردۇ تىلىدا يېزىلغىنى 64، ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغىنى 21، فرانسۇزچىسى بىر، سلاۋىيانچىسى بىر بولۇپ، تەشكىلاتىمىز بۇ ئەسەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە مۇكاپاتقا لاياقەتلىكلىرىنىڭ رەت تەرتىپىنى بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن نوپۇزلۇق ئۆلىمالاردىن بىر كومىتېت تەشكىللەپ بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلىپ چىقتى.
1. سەفىييور رەھمان مۇبارەك فورى. ھىندىسىتان سەلەفىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن. مۇكاپات سوممىسى 50 مىڭ رىيال.
2. دوكتۇر مەجىيد ئەلى خان. ھىندىستان يېڭى دېھلى ئىسلام مەھەللىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن. مۇكاپات سوممىسى 40 مىڭ رىيال.
3. دوكتۇر نەسىير ئەھمەد ناسىر. پاكىستان خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى. مۇكاپات سوممىسى 30 مىڭ رىيال.
4. ئۇستاز ھامىد مەھمۇد لىمۇدى. مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىدىن. مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ رىيال.
5. ئۇستاز ئابدۇسالام ھاشىم. سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە مۇنەۋۋەردىن. مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ رىيال.
شۇنداقلا ئىتتىپاقىمىز يەنە ھىجرىيە 1398- يىلى شەئبان ئېيى (8- ئاي)دا كاراچىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئاسىيا ئىسلام كېڭەش يىغىنىدا ۋە ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى ۋە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن رابىيتەتۇلئىسلامى (دۇنيا ئىسلام كېڭىشى) مەككىدىكى ئىش بېجىرىش ئورگىنىدا، شۇ يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل (3- ئاي)نىڭ 12- كۈنى شەنبە چۈشتىن ئىلگىرى مەككە مۇكەررەمەنىڭ ئەمىرى شاھزادە فەۋاز ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ۋەكىلى شاھزادە سەئۇد ئىبنى ئابدۇلموھسىن ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، شاھزادە ئالىيلىرىنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىشىكە ئورۇنلاشتۇردى. زىياپەت ئاخىرىدا ئىتتىپاقىمىز بۇ ئەسەرلەرنى پات ئارىدا باستۇرۇپ، نەشر قىلىدىغانلىقىنى ۋە بىر قانچە تىلغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ تارقىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
ھۆرمەتلىك كىتابخان! مانا بۇ قولىڭىزدىكى ئەسەر ھىندىستان سەلەفىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن سەفىييور رەھمان مۇبارەك فورىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن «شېرىن بۇلاق» ناملىق ئەسىرى ئاشۇ ئەسەرلەر ئىچىدە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغىنىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسەرلەرمۇ رەت تەرتىپى بويىچە ئىنشائاللاھ (ئاللاھ خالىسا) ئارقا-ئارقىدىن نەشردىن چىققۇسى.
بىز ئاللاھتىن جىمى ئەمەللىرىمىزنى خالىس ئۆز رازىلىقى ئۈچۈن قوبۇل ئېتىشىنى تىلەيمىز. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى خوجىداردۇر ۋە ئەڭ ياخشى ياردەم قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابە كىراملىرىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت قىلسۇن. (ئامىين!!!)
دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ باش مۇدىرى (مۇھەممەد ئەلى ھەرەكان) ھىجرىيە 1400- يىلى
مۇئەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
بۆلۈم: “مۇئەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى”مۇئەللىپ سەفىييۇر رەھمان مۇبارەك فورى 1943- يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى ھىندىستاننىڭ ئەئزەم كاتا ئۆلكىسى مۇبارەك فورى ۋىلايىتى ھۇسەين ئاباد كەنتىدە ئەنسارى جەمەتى نامى بىلەن تونۇلغان ئۇقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن (ئاپتور ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا بۇ جەمەتنى ئۇلۇغ ساھابە ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىنىڭ ئەۋلادى دەپ يازىدۇ). 1948- يىلىغا قەدەر ئائىلىسىدە قۇرئاندىن دەسلەپكى ساۋادىنى چىقارغان. 1948- يىلى مۇبارەكفور دارۇتتەئلىم گە ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ مەكتەپتە ئىپتىدائى ئوقۇشلۇقلارنى تاماملىغاندىن سىرىت مەلۇم دەرىجىدە پارس تىلىنى ئۆگەنگەن، 1954- يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مۇبارەكفور ئىھيائولئولۇم مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ بۇ مەكتەپتە ئەرەب تىلىغا ئائىت نەھۋى (گرامماتىكا) سەرف (مورفولوگىيە) قاتارلىق پەنلەردە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولغان. 1956- يىلى مۇبارەكفوردىن 35 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مىئو شەھىرى پەيزىئام مەكتىپىگە يۆتكىلىپ ئوقۇغان. بۇ مەكتەپتە 1961- يىلىغا قەدەر ئەرەب تىلى قائىدىلىرى، دىن شەرىئەت ئىلىملىرى بويىچە سىستېمىلىق بىلىم ئىگىلىگەن ۋە 1961- يىلى پەزىلەت (يەنى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە پەتىۋا بېرىش دەرىجىسىگە يەتكۈچى) ئۈنۋانى بىلەن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، ئاپتور سەفىييۇر رەھمان مىئو، دىن-شەرىئەت مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىلمى ئۈنۋان باھالاش كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ 1959- يىلى «مەۋلىۋى » لىك ئۈنۋانىغا 1960- يىلى «ئالىم»لىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھىندىستاننىڭ ئاللاھ ئاباد نىفپور قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلەردە تەلىم-تەربىيە، دىنىي دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1963- پەيزى ئاباد مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان ئىككى يىلدىن كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئائىلىسىگە قايتقان ۋە يەنە بىر يىلدىن كېيىن 1966-يىلى فېۋرالدا ئۆلكىلىك ئەئزەم كاتتا «ئىرشاد» (ھىدايەت) ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان، ئۇ يەردىن مىئو دارۇلھەدىس كە ئەۋەتىلگەن ۋە مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئۇ بۇ جەرياندا يەنى 1967- يىللىرى ۋە 1968- يىللىرى ھىندىستاندىكى مۇسۇلمان ياشلارنىڭ ئىسرائىلىينىڭ پەلەستىننى يوتۇۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە 1967- يىلى 8- ئايدا ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن كېڭەش يىغىنىغا ھىندىستانلىق ئىككى ۋەكىلنىڭ بىرى بولۇپ قاتناشقان. 1969- يىلغا كەلگەندە ئىچكى تاشقى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ مەكتەپتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىدىن ئىستىپا بېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن بارادىش ئۆلكىلىك پەيزۇل ئۇلۇم (ئىلىم نۇرى) ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ مىئو شەھىرىدىن 700 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سىئون شەھىرىگە بېرىپ پەيزۇل ئۇلۇم ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا كۆپ قېتىم جەمئىيەت ۋە مەكتەپ ئىچىدە دىنى دەۋەت ئىلمى لېكسىيسى سۆزلەپ، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ دىنىي، ئىقتىسادىي، سودا تىجارەت ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە 1972- يىلى يۇرتى مۇبارەكفورغا قايتىپ ئانا مەكتىپى دارۇتتەئلىم مەكتىپىدە تەلىم-تەربىيە يىتەكچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1974- يىلى ھىندىستان بىنارس سەلەفىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باش مۇدىرى مۇبارەكفور دارۇتتەئلىم مۇدىرىغا ئىلتىماس قىلىپ سەفى رەھماننى سەلەفىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا مۇدەرىسلىككە يۆتكىگەن.
ھازىر ئۇ مۇشۇ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇدەررىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە. مۇئەللىپ سەفىييۇررەھمان بۇ جەرياندا ئۆگۈنۈشنى توختىتىپ قويمىغانغا ئوخشاش، ئەسەر يېزىش ۋە تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىنىمۇ تاشلاپ قويمىغان. ئۇ 18 پارچە كىتاب يازغان ۋە بىرنەچچە پارچە ماقالە ئىلمىي ئەسەرلىرىنى گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. 1976 يىلى ئەرەب ئەدەبىي پەنلىرى بويىچە ئىمتىھان بېرىپ ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن.
قولىڭىزدىكى بۇ شېرىن بۇلاق ناملىق ئەسەر مۇئەللىپنىڭ مۇسۇلمانلارغا سۇنغان توققۇزىنچى كىتابى، يەنى توققۇزىنچى سوۋغىسى ھېسابلىنىدۇ.
كىتابخانلارغا ئىككى كەلىمە سۆز
بۆلۈم: “كىتابخانلارغا ئىككى كەلىمە سۆز”جىمىي ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ ئۆز پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن توغرا ھىدايەت ۋە ھەققانىي دىن بىلەن ئەۋەتتى ۋە ئۇنى ئادىل گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھ تەرىپىگە چاقىرغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلدى. ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئەستىن چىقارمايدىغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۈلگىلىك ئېسىل خىسلەتلەرنى مۇجەسسەم قىلدى.
ئى ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە كىراملىرىغا ۋە قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇنىڭغا سەمىمىي قەلب بىلەن ئەگىشىپ ماڭغانلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا رىزىۋان بۇلىقىڭنى ئەبىدى ئاقتۇرغىن! ئامىين!
مۆھتىرەم كىتابخان كىشىنى شۇ ھاياجانغا سالىدۇكى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى ھىجرىيە 1396- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل (3- ئاي)دا پاكىستاندا ئۆتكۈزگەن «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا يازغۇچى ئاپتورلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر تىرىشچانلىقىغا ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىن «سىيرەتۇن نەبەۋى» (پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى) دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق ئىلمى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
مەن بۇ ئىشنىڭ سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز چوڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىلمىي قىممىتى بار، دەپ قارايمەن. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىغا ۋە ئۇنىڭ تارىختىكى ئورنىغا دىققەت ئېتىبارىمىز بىلەن قارايدىغان بولساق، مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ ھاياتى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھايات مەنبەسى ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتى بەخت-سائادىتىنىڭ بىردىنبىر بۇلىقى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
مەنمۇ بۇ مۇبارەك مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقىمنى چوڭ بەخت-سائادەت ۋە تەلىيىمنىڭ ئوڭدىن كەلگەنلىكى دەپ قارايمەن، لېكىن مەن قانچىلىك ئادەم؟ ئاۋۋالقىلار ۋە كېيىنكىلەرنىڭ سەردارى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ ھاياتى تەرجىمىھالىنى بۇ ئاددىي قەلىمىم بىلەن يورۇتۇپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىنى قانچىلىك رەۋىشتە ئادا قىلالايتتىم؟ مەن پەقەت زالالەت (ئازغۇنلۇق)نىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىرىدە ھالاك بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ ھىدايەت نۇرىدىن يورۇقلۇق ئالالىسام، مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئۇممىتى بولۇپ ياشاپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى بولۇپ ئۆلسەم، ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ شاپائىتى بىلەن گۇناھىمنى كەچۈرۈم قىلىپ ماڭا مەرھەمەت ئەيلىسە مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت-سائادەت ۋە كاتتا نىجاتلىق، دەپ قارايدىغان ئادەممەن. بۇ مېنىڭ ئەسەرگە تۇتۇش قىلىشتىكى مۇددىئايىمدۇر.
مەن ئەسەرگە تۇتۇش قىلىشتىن ئاۋۋال بەك ئۇزارتىۋېتىپ مالاللىق كەلتۈرۈشتىن ۋە ياكى بەك قىسقارتىۋېتىپ ئۇقۇمسىز قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەسەرنىڭ ئوتتۇرا ھەجىملىك بولۇپ چىقىشىنى نىشان قىلدىم. بەزى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدا تارىخى ۋەقەلىكلەرنىڭ رەت تەرتىپى ياكى قىسمەن ۋەقەلىكنىڭ تەپسىلاتى تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسەم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرگە نەزەر يۈگۈرتۈپ مېنىڭچە توغرا بولدى، دەپ قارىغان تەتقىقات نەتىجەمنى بۇ ئەسەرگە كىرگۈزدۈم. گەپنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بايانلىرىمغا دەلىل-ئىسپات قىستۇرۇشتىن ساقلاندىم.
بەزى جايلارنى كىتابخانلارنىىڭ يات ساناپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگىنىمدە ياكى كۆپىنچە يازغۇچىلارنىڭ زەئىف رىۋايەت لەرنى تۇتقا قىلغىنىنى قىلغىنىنى كۆرگىنىمدە قىسمەن دەلىللەرگە ئىشارەت بەردىم، خالاس.
ئى ئاللاھ! ماڭا دۇنيا ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، سەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرسەن، دوست تۇتقۇچىدۇرسەن، كاتتا ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇرسەن.
ئامىين!
سەفىييور رەھمان مۇبارەك فورى
ئەرەبلەر ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى كۇفرى قاراڭغۇلىقىدىن ئىمان نۇرىغا چىقىرىش ۋە ئۇلارنى بەندىلەرگە چۇقۇنىشتىن بىر ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ئىلاھى ئەلچىلىكتىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئەلچىلىكنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى ئوتتۇرىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىلا ئاندىن بۇ تەرجىمىھالنىڭ بەدىئىي تەسۋىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب خەلقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام پەيغەمبەر بولۇش ھارپىسىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت توغرىسىدا كونكرېت چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز.
ئەرەبلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى
ئەرەب «ىرب» دېگەن بۇ سۆز لېكسىكىلىق مەنادا، سەھرا، چۆل، دەشتى-باياۋان، سۇ ۋە ئوت-چۆپتىن خالىي زېمىن دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام ئەڭ قەدىمقى دەۋرلەردىن بۇيان ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ۋە بۇ ئارالدا ئەجداتتىن ئەۋلادقا ياشاپ كەلگەن ياكى سىرتتىن كۆچۈپ كېلىپ بۇ يەردە ماكانلىشىپ قالغان خەلقلەرنىڭ نام ئاتالغۇسى بولۇپ قالغان.
ئەرەب يېرىم ئارىلى غەربتە قىزىل دېڭىز ۋە سىنائ ئارىلى بىلەن، شەرقتە پارىس قولتۇقى دېڭىزى ۋە ئىراق زېمىنىنىڭ جەنۇبىي قىسمى بىلەن چېگرالىنىدۇ. جەنۇبتا ھىندى ئوكيانغا تۇتاش ئەرەب دېڭىزى بىلەن، شىمالدا شام (سۈرىيە) ۋە قىسمەن ئىختىلاپلارنى نەزەرگە ئالمىغاندا ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن چېگرالىنىدۇ. ئارالنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن 1 مىليون 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغىچە مۆلچەرلەنمەكتە.
ئارالنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ئالغاندىمۇ بۇ ئارال مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالايلى، ئارالنىڭ ھەر تەرەپتىن كەڭ كەتكەن سەھرا قىشلاق ۋە قۇم بارخانلىرى بىلەن قورشالغان بولۇشتەك ئىچكى جايلىشىش ئالاھىدىلىكى بۇ ئارالنى ئەجنەبىيلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قولىنى سۇنۇشى ۋە مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈشىگە يول قويمايدىغان مۇستەھكەم بىر قورغانغا ئايلاندۇرغان. شۇڭا، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا مۇشۇ قۇملۇق توسىقىدىن باشقا ھېچقانداق مۇداپىئە ئەسلىھەسى بولمىغان ئارال خەلقى ئۆز زامانىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئىككى ئىمپېرىيە (رۇم ۋە پارس خاندانلىقى)گە قوشنا تۇرۇقلۇق ھەممە ئىشلاردا ئەركىن، ئاقىۋەتتىن قىلچە ئىككىلەنمەيدىغان، غەم يېمەيدىغان ھالەتتە ناھايىتى قاپ يۈرەكلىك بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.
ئەمما، سىرتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەرەب ئارىلى دۇنياغا مەشھۇر قەدىمقى ئۈچ چوڭ قىتئە ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، يېرىم ئارال ئاشۇ قىتئەلەر بىلەن دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقلار ئارقىلىق تۇتىشىدۇ. ئارالنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر. غەربىي شىمال قىسمى ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. شەرق ۋە شىمال تەرەپلىرى ئەجەم (تۈركىي مىللەتلەر) مىللەتلىرى، ئوتتۇرا شەرق ۋە يىراق شەرق دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، ھىندىستان ۋە جۇڭگو زېمىنلىرىغا ئۇلىنىدۇ. شۇنداقلا ئارال يەنە ھەر قايسى قىتئەلەر بىلەن دېڭىز ئارقىلىق تۇتىشىدۇ ۋە ھەر قايسى قىتئەلەرنىڭ قاتناش- ترانسىپورتلىرى ۋە كېمە- پاراخوتلىرى ئارالنىڭ ھەر قايسى قولتۇق، پورت-پرىستانلىرىدا توختاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئاجايىپ جايلىشىش ئارالنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسمىنى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ساياھەت ۋە دەم ئېلىش بېكىتىگە، سودا-سېتىق، دىن-مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ئەرەب خەلقلىرى
تارىخشۇناسلار ئەرەب خەلقلىرىنى ئۇلارنىڭ كېلىپ چىققان نەسەب شەجەرىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلدى.
1. ئەلئەرەبۇلبائىدە، يەنى قەدىمقى ئەرەبلەر. بۇلار ئەرەبلەرنىڭ سەمۇد، تەسەم، جەدىيس ۋە ئوملاق قاتارلىق تارىخى مەنبەسى توغرىسىدا مۇكەممەل بىر مەلۇماتقا ئېرىشكىلى بولمىغان ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىدۇر. بۇلار «ئەرەبۇلبائىدە» ئەڭ قەدىمكى ئەرەبلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
2. ئەلئەرەبۇلئارىبە، يەنى ساپ ئەرەبلەر. بۇلار يەشجەپ ئىبنى قەھتاننىڭ ئوغلى يەئروبنىڭ نەسلىدىن ئاۋۇپ كۆپەيگەنلەردۇر. بۇلار قەھتان ئەرەبلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
3. ئەلئەرەبۇلمۇستەئرىبە، يەنى ئەرەبلەشكەن ئەرەبلەر. بۇلار ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ نەسلىدىن ئاۋۇپ كۆپەيگەنلەردۇر. بۇلار ئەدنان ئەرەبلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئەمما، ئەرەبۇلئارىبە، يەنى قەھتان ئەرەبلىرىنىڭ ئانا يۇرتى يەمەن تۇپرىقىدۇر. ئۇلار بۇ تۇپراقتا ئاۋۇپ كۆپىيىپ، قەبىلە-ئايماقلارغا بۆلۈنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسەن ئىككى قەبىلە مەشھۇرراقتۇر:
-
ھىميەر قەبىلىسى. بۇ قەبىلىنىڭ ئايماقلىرىدىن زەيدۇلجەمھۇر، قوزائە ۋە سەكاسىك قاتارلىقلار بار.
-
كەھلان قەبىلىسى. ھەمدان، ئەنمار، تەي، مۇزھىج، كىندە، لەخمى، جوزام، ئەزدى، ئەۋس، خەزرەج ۋە شامغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان جەفنە ئەۋلادلىرى مۇشۇ قەبىلىنىڭ ئايماقلىرىدۇر. كەھلان قەبىلىسىنىڭ ئايماقلىرى يەمەندىن كۆچۈپ، ئەرەب ئارىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تاراپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەمەندە ئىرەم سۇ ئاپىتى يۈز بېرىشتىن خېلىلا ئىلگىرى رۇملۇقلار مىسىر، شام زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى تىجارەت يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇلارغا ئېغىر سودا ئىمبارگوسى يۈرگۈزگەنلىكتىن يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق شۇكى، ھىميەر قەبىلىسىنىڭ يەمەندە داۋاملىق تۇرۇپ قېلىپ، كەھلان ئايماقلىرىنىڭ كۆچۈپ كەتكىنىگە قارىغاندا، ھىميەر ئايماقلىرى بىلەن كەھلان ئايماقلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تىركىشىش يۈز بېرىپ كەھلان تەرەپ يەمەندىن قوغلاپ چىقىرىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
كەھلان قەبىيلىسىنى مۇنداق تۆت ئايماققا بۆلۈشىمىز مۇمكىن.
- ئەزدى ئايمىقى. بۇلار باشلىقى ئىمران ئىبنى ئەمرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەمەن تەۋەسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، تەرەپ-تەرەپلەرگە تەكشۈرگۈچىلەرنى ئەۋەتكەندىن كېيىن شىمالغا قاراپ يول ئالغان. ئۇلار ئۇياق-بۇياقلارغا يۆتكىلىپ يۈرۈپ ئەڭ ئاخىرى ماكانلاشقان يەرلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
ئەزدى ئايمىقىدىن سوئلەبە ئىبنى ئەمرى ھىجاز تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، سوئلەبە بىلەن زىقار ئوتتۇرىسىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئەۋلادى كۆپىيىپ كۈچى زورايغاندىن كېيىن يەسرەبكە كىرىپ، بۇ يەردە ماكانلاشقان. مانا بۇ ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى ئاشۇ سوئلەبەنىڭ ئوغلى ھارىسنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھارىس ئىبنى ئەمرى (ئۇ خۇزائە دېگەن كىشىدۇر) ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھىجاز تەۋەسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى مەررى زەھرانغا كېلىپ چۈشتى. ئاندىن مەككىگە كىرىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەككە ئاھالىسىدىن جۇرھوملارنى قوغلاپ چىقاردى.
ئىمران ئىبنى ئەمرى ئوممانغا بېرىپ ئەۋلادلىرى بىلەن شۇ يەردە ماكانلاشتى. ئۇلار ئەزدى ئوممان دەپ ئاتالدى. لىفەر ئىبنى ئەزدى تەھامىگە كېلىپ ماكانلاشتى. بۇلار ئەزدى شەنۇئە دەپ ئاتالدى.
غەسسان پادىشاھلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى جەفنە ئىبنى ئەمرىمۇ ئەۋلادلىرىنى باشلاپ شامغا بېرىپ ماكانلاشتى. غەسسان ئەسلىدە ئۇلار شامغا مېڭىش يولىدا چۈشۈپ ئۆتكەن ھىجاز تەۋەسىدىكى بىر سۇ مەنبىئىنىڭ نامى ئىدى. كېيىن بۇ ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ قالدى.
-
لەخمى، جوزام ئايماقلىرى. ھىيرەدىكى مۇنازىر پادىشاھلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى نەسىر ئىبنى رەبىئە لەخمى جەمەتىدىن ئىدى.
-
بەنى تەي ئايمىقى. ئۇلار ئەزدى ئايماقلىرى شىمالغا قاراپ يۈرۈپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن يولغا چىقىپ، مەنزىلمۇ-مەنزىل كۆچۈپ يۈرۈپ ئاخىرى ئاجا سەلما دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ چۈشتى ۋە مۇشۇ يەردە ماكانلاشتى. كېيىن بۇ تاغلار تەي تېغى دەپ ئاتالدى.
-
كىندە ئايمىقى. بۇ ئايماقنىڭ ئادەملىرى دەسلەپ بەھرەينگە چۈشتى. ئاندىن ئۇلار مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەھرەيندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ ھەزرىمەۋتكە يۆتكەلدى. ئەمما، ئۇلارغا بەھرەيندە يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقلار قايتا تەكرارلىنىپ، نەجدكە كېلىپ چۈشتى ۋە بۇ يەردە ناھايىتى قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرغانىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ دۆلىتى تېزلا يىمىرىلىپ نام-نىشانىمۇ قالمىدى.
يەنە يەمەندىن كۆچۈپ چىققان قەبىلىلەر ئىچىدە ھىميەر قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىدە قاراش ئوخشاش بولمىغان بىر قەبىلە بار (ئۇ بولسىمۇ قوزائە قەبىلىسى). ئۇلار يەمەندىن كۆچۈپ چىقىپ، ئىراق تەۋەسىدىكى سەماۋە ۋادىسىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى.
ئەمما، ئەرەبۇلمۇستەئرىبە، يەنى ئەرەبلەشكەن ئەرەبلەرنىڭ چوڭ بوۋىسى (ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام) ئىراقنىڭ كۇفە شەھىرىگە يېقىن بولغان پۇرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قەدىمى شەھەر «ئار» دىن ئىدى. بۇ شەھەر خارابىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر مۇشۇ يەردە ياشىغان خەلقلەر، جۈملىدىن ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئائىلىسى ۋە شۇ دەۋرنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام بۇ يەردىن ھاران ياكى ھىرانغا ھىجرەت قىلغان، كېيىن بۇ يەردىن پەلەستىنگە يۆتكىلىپ پەلەستىننى ئۆزىنىڭ دەۋەت بازىسى قىلىپ مۇشۇ ئەتراپتىكى رايونلاردا دىنىي دەۋەت ئېلىپ بارغان. ئۇ بىر قېتىم مىسىرغا بارغان. بۇ چاغدا مىسىر پادىشاھى فىرئەۋن ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئايالى سارەگە يامان نىيەتتە بولغان. لېكىن، ئاللاھ بۇ پادىشاھنىڭ يامان نىيىتىنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرمىغاچقا، ئۇ سارەنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان كۈچلۈك مۇناسىۋىتىنى تونۇپ ئۇنىڭ پەزلىنى ئېتىراپ قىلىش يۈزىسىدىن قىزى ھاجەرنى خىزمەتكارلىققا تۇتۇپ بەرگەن. كېيىن سارە بۇ قىزنى ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامغا نىكاھلاپ قويغان.
ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام پەلەستىنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامغا ھاجەردىن ئىسمائىلنى رىزىق قىلىپ بەردى. بۇنىڭغا نىسبەتەن سارەنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ، ئاخىرى ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنى ئەمدىلا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان يۈرەك پارىسى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى ھاجەرنى كۆزدىن غايىب قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام بۇ ئانا-بالا ئىككىيلەننى ئېلىپ ھىجاز زېمىنىغا كەلدى ۋە بۇلارنى بەيتۇللاھنىڭ يېنىدىكى قاقاسلىققا چۈشۈردى. بەيتۇللاھ بۇ چاغدا بىر دۆڭلۈككە ئوخشايدىغان ئېگىز جاي بولۇپ، ۋادىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن سەل ۋە لاتقىلار كەلسە، دۆڭنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىن ئېقىپ كېتەتتى. ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام ئانا-بالا ئىككىسىنى ھازىرقى مەسجىدىل ھەرامنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە زەمزەم قۇدىقىنىڭ يېنىدىكى چوڭ دەرەخ تۈۋىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ پەلەستىنگە قايتتى. شۇ كۈنلەردە مەككىدە نە ئادەم، نە سۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام بۇ ئىككى جان ئۈچۈن پەقەت بىر تۇلۇم خورما ۋە بىر تۇلۇم سۇ قالدۇرۇپ قايتىپ كەتتى. ھاجەر ئانا بۇلارنى قانچە تىجەپ ئىشلەتكەن قىلغان بولسىمۇ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا بۇ نەرسىلەر (بولۇپمۇ سۇ) پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتتى. مۇشۇنداق قىيىنچىلىق پەيتتە ئاللاھنىڭ پەزلى مەرھەمىتى بىلەن زەمزەم قۇدۇقى ئېتىلىپ چىقىپ، بۇلارنىڭ ۋاقىتلىق ئوزۇقلۇقى ھەل بولدى (بۇ قىسسە سەھىھۇلبۇخارىدا تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ).
شۇ كۈنلەردە يەمەندىن بىر قەبىلە (ئۇلار جۇرھۇم سانى دەپ ئاتىلىدۇ) كېلىپ، ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئانىسى ھاجەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن مەككىدە تۇرۇپ قالدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلار بۇندىن ئىلگىرى مەككە ئەتراپىدىكى ۋادىلاردا كۆچمەنلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. سەھىھۇلبۇخارىنىڭ رىۋايىتى بۇ قەبىلىنىڭ ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالام ئانا-بالا ئىككىسى مەككىدە ئولتۇراقلىشىپ خېلى مەزگىلدىن كېيىن كېلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە چۈشۈشى ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالام بالاغەتكە يىتىشتىن خېلى بۇرۇنقى ئىش ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەككە ئۇلارنىڭ يول ئۈستىدىكى بىر ئۆتىڭى ئىدى، خالاس.
ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام پەلەستىنگە قايتقاندىن كېيىن ئۆزى تاشلاپ كەتكەن بۇ پۇشتىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن مەككىگە پات-پات كېلىپ كېتىپ تۇردى. بۇ بېرىش-كېلىشلەرنىڭ قېتىم سانى تازا ئېنىق ئەمەس. بىراق، تارىخى مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنغىنى پەقەت تۆت قېتىم. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامغا ئوغلى (ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالام)نى قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرسەتكەنلىكىنى، ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالاممۇ دەرھال بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿فلمّا ۆسلما وتلّھ للجبين وناديناھ ۆن يا إبراھيم قد پدقت الرّۋْيا إنّا كۇالك نجزي المچسنين إنّ ھۇا لھو البلاء المبين وفديناھ بۇبچ ىئيم﴾ «ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى. ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى. بىز ئۇنىڭغا: ‹ئى ئىبراھىم (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)›، دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ساففات 103 — 107- ئايەتلەر).
سەپەرى تەكۋىندە زىكرى قىلىنىشىچە، ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام) ئىسھاق (ئەلەيـھىسسالام)دىن 13 ياش چوڭ ئىكەن. قىسسىنىڭ مەزمۇنىمۇ ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ۋەقەسى ئىسھاق تۇغۇلۇشتىن خېلى ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم»دە ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامغا ئىسھاق (ئەلەيـھىسسالام) بىلەن بېرىلگەن بېشارەت ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام)نى قۇربانلىق قىلىش ۋەقەسى بايان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن زىكرى قىلىنىدۇ. بۇ قىسسە (ئاز دېگەندىمۇ) ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام) كىچىك ۋاقتىدىكى بىر قېتىملىق سەپىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەمما، ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ كېيىنكى ئۈچ قېتىملىق يوقلاش سەپىرىنى سەھىھۇلبۇخارىدىكى ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ مۇنداق بىر رىۋايىتى تولۇق بايان قىلىپ بەردى.
رىۋايەتنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالام چوڭ بولۇپ، جۇرھۇم ئەرەبلىرىدىن ئەرەبچىنى ئۆگەندى ۋە ئۇلاردىن بىر قىزغا ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئانىسى ھاجەر ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام بۇ ئوغلىنى يوقلاش ئۈچۈن مەككىگە يەنە كەلدى. بىراق، ئۇ بۇ قېتىم ئوغلى بىلەن ئۇچرىشالماي كېلىنىدىن ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ ئايالى بۇ ناتونۇش قېينىئاتىسىغا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىقتا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىپ ھال ئوقۇدى. ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام بۇ كېلىنىگە: «ئىسمائىل ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىنى ئالماشتۇرۇۋەتسۇن»، دەپ تاپىلاپ قويۇپ پەلەستىنگە قايتتى. ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالام ئاتىسىنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ، بۇ ئايالنىڭ تالىقىنى بەردى ۋە ئەرەبلەردىن يەنە بىر قىزغا ئۆيلەندى. ئۇ جورھۇملارنىڭ باشلىقى ئەمرى ئىبنى مەزازنىڭ قىزى ھۇبا ئىدى. ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالام ئەمرىنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام يەنە كەلدى. ئەپسۇس، ئۇ بۇ قېتىممۇ يەنە ئۇچرىشالماي يېڭى كېلىنچىكى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئىككىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. تەلەيلىك بۇ ئايال ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامغا: «خۇداغا شۈكرى، تۇرمۇش ئەھۋالىمىز ياخشى»، دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئىسمائىل ئەمدى ئىشىكنىڭ بوسۇغۇسىنى ئۆز جايىدا قالدۇرسۇن»، دەپ تاپىلاپ قويۇپ پەلەستىنگە قايتتى.
ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام تۆتىنچى قېتىم كېلىپ ئاندىن ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالام بىلەن ئۇچراشتى. بۇ چاغدا ئۇ زەمزەم قودۇقىغا يېقىن چوڭ دەرەخنىڭ تۆۋىدە ياچاق ئوقى ياساۋاتاتتى. ئىسمائىل ئاتىسىنى كۆرۈپ ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، ئاتا-بالا ئىككىسى قوچاقلىشىپ كۆرۈشتى. بۇلارنىڭ كۆرۈشمىگىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغاچقا، بۇنداق ئەھۋالدا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پەرزەنت يۈزى كۆرگەن دىلى يۇمشاق، كۆيۈمچان ئاتا ئۆز پەرزەنتىگە، زېرەك، ئوڭلۇق چوڭ بولغان ۋاپادار ئوغۇل ئۆز ئاتىسىغا قانداق قىزغىن ھېسسىياتتا بولىدۇ دەيسىز؟
مۇشۇ قېتىمدا ئاتا-بالا ئىككىسى كەئبىنىڭ ھۇلىنى قوپۇرۇپ، بەيتۇللاھنى بىنا قىلدى ۋە ئاللاھنىڭ پەرمانى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ھەج قىلىشنى ئېلان قىلدى.
ئاللاھ ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالامغا مەزازنىڭ قىزىدىن 12 ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلدى. ئۇلار نابىت، قەيدار، ئەدبائىل، مىيشام، مىشمائ، دۇما، مىيشا، ھەدەد، يەتما، يەتۇر، نەفىس ۋە قەيدمانلار ئىدى، بۇلاردىن 12 قەبىلە بارلىققا كەلدى ۋە ھەممىسى دېگۈدەك بىر مەھەل مەككىدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار ئاساسلىقى يەمەندىن شامغا، شامدىن مىسىرغا تىجارەت ۋە سودا-سېتىق قىلىش بىلەن كۈن كەچۈرەتتى. ئاندىن بۇ قەبىلىلەر ئارالىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، ھەتتا ئارالنىڭ سىرتلىرىغىچە تاراپ كۆچۈپ كېتىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن نابىت ۋە قەيدار ئەۋلادلىرىدىن باشقا ئەۋلادلارنىڭ ئەھۋالى جاھاننىڭ قاراڭغۇ گۇملىرىدا ئاستا-ئاستا غايىب بولۇپ كەتتى.
نابىتنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەنباتلار ھىجازنىڭ شىمالىدا گۈللەپ ياشنىدى ۋە بەترائ نى پايتەخت قىلىپ، قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئەللەرنى بويسۇندۇرغانىدى. ھېچكىم ئۇلار بىلەن پۇت تېپىشىشكە پېتىنالمايتتى. ئاخىرى رۇملۇقلار تاجاۋۇز قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
شەيخ سۇلايمان نەدۋى چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن: «غەسسان پادىشاھلىرى، شۇنىڭدەك ئەۋس ۋە خەزرەج ئەنسارلىرى قەھتان ئەرەبلىرىدىن بولماستىن، بەلكى ئۇلار ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ ئوغلى نابىتنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادلىرىدىن شۇ دىيارلاردا ماكانلاشقانلىرى ئىدى»، دېدى.
ئەمما، ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ ئوغلى قەيدارنىڭ ئەۋلادلىرى مەككىدە داۋاملىق قېلىپ مۇشۇ زېمىندا كۆپەيدى ۋە گۈللەپ ياشنىدى. ئاخىرى ئۇنىڭ نەسلىدىن ئەدنان ۋە ئەدناننىڭ ئوغلى مەئدى دۇنياغا كەلدى. ئەدنان ئەرەبلىرى (ئەرەبۇلمۇستەئرىبە)، يەنى ئەرەبلەشكەن ئەرەبلەر ئۆزىنىڭ نەسەب شەجەرىسىنى دەل مۇشۇ كىشىدىن باشلاپ، يادقا ئېلىپ، ئېسىدىن چىقارماي ساقلاپ كەلگەن. ئەدنان دېگەن بۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ نەسەب شەجەرىسىدىكى 21- ئاتا ھېسابلىنىدۇ. ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۆزىنىڭ نەسەب شەجەرىسىنى بايان قىلىپ، ئەدنانغا يەتسە توختايتتى ۋە: «نەسەبشۇناسمەن دېگەنلەر يالغان ئېيتىدۇ»، دەيتتى-دە ئەدناننىڭ يۇقىرىسىغا ئۆتۈپ نەسەب ئۇلىمايتتى، دېيىلىدۇ.
خېلى كۆپ ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسنى زەئىپ دەپ قاراپ، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئەدناندىن يۇقىرىدىكى نەسەب شەجەرىسىنى ھەم ئۇلاپ نەقىل قىلىشنى راۋا كۆردى ۋە ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلغاندا، ئەدنان بىلەن ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام ئوتتۇرىسىدا قىرىق ئاتا شەجەرىسى مەۋجۇد دېيىشتى.
مەئدىنىڭ ئەۋلادلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئوغلى نەزار (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مەئدىنىڭ نەزاردىن ئۆزگە ئوغۇل پەرزەنتى يوق ئىكەن) تۆت بالىلىق بولغان. بۇ تۆت ئەۋلادتىن چوڭ تۆت قەبىلە بارلىققا كەلگەن. ئۇلار ئەياد، ئەنمار، رەبىيئە ۋە مۇزەرلەر ئىدى. رەبىيئە بىلەن مۇزەرنىڭ ئايماق ۋە جەمەتلىرى كۆپەيدى. رەبىيئەدىن ئەسەد ئىبنى رەبىيئە ،ئەنىيزە، ئابدۇلقەيس، ۋائىلنىڭ ئىككى ئوغلى (بەكرى ۋە تەغلىب)، بەنى ھەنىيفە ۋە باشقا قەبىلىلەر بارلىققا كەلدى.
مۇزەرنىڭ ئەۋلادلىرى چوڭ ئىككى قەبىلىگە بۆلۈندى. ئۇلار قەيس ئېيلان ئىبنى مۇزەر ۋە ئىلياس ئىبنى مۇزەر ئىدى. قەيس ئېيلاندىن بەنى سۇلەيم، بەنى ھەۋازىن ۋە بەنى غەتپان قاتارلىق قەبىلىلەر بارلىققا كەلدى. غەتپان قەبىلىسىدىن ئەبەس، زەبيان، ئەشجەئە ۋە غىنەبنو ئەئسور ئايماقلىرى شاخلىنىپ چىقتى.
ئىلياس ئىبنى مۇزەردىن تەمىيم ئىبنى مۇررە، ھۇزەيل ئىبنى مۇدرىكە، ئەسەد ئىبنى خوزەيمە جەمەتلىرى ۋە كەنانە ئىبنى خوزەيمە ئايماقلىرى بارلىققا كەلدى. كەنانە ئىبنى خوزەيمىدىن قۇرەيش قەبىلىسى شەكىللەندى. بولۇپمۇ فىھرى ئىبنى مالىك ئىبنى نەزرى ئىبنى كەنانەنىڭ ئەۋلادلىرى قۇرەيش دەپ ئاتالدى.
قۇرەيشمۇ يەنە نۇرغۇن قەبىلىلەرگە بۆلۈندى. بۇ قەبىلىلەر ئىچىدىن ئەڭ مەشھۇر بولغانلىرى جۈمەھ، سەھمى، مەخزۇم، تەيم، زوھرە ۋە قۇسەي ئىبنى كىلاب قەبىلىلىرىدۇر.
قۇسەي ئىبنى كلاب قەبىلىسىنىڭ ئايماقلىرى ئابدۇددار ئىبنى قۇسەي، ئەسەد ئبىنى ئابدۇلئۇززا ئىبنى قۇسەي ۋە ئابدۇماناف ئىبنى قۇسەيلەردۇر.
ئابدۇمانافنىڭ تۆت ئوغۇل پەرزەنتى بولغان ئىدى. ئۇلار ئابدۇشەمس، نەۋفەل، مۇتەللىپ ۋە ھاشىملاردۇر. ھاشىم ئائىلىسىدىن ئاللاھ سەييىدىمىز مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ ئىبنى ھاشىمنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى.
ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ خەلقنى يارىتىپ، مېنى ئۇلارنىڭ ئەرەب-ئەجەم فىرقىلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى فىرقىدىن قىلدى. ئاندىن قەبىلىلەرنى تاللاپ، مېنى قەبىلىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى قەبىلىدىن چىقاردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىلەرنى تاللاپ، مېنى ئەڭ ياخشى ئائىلىدە دۇنياغا كەلتۈردى. شۇڭا، مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئائىلە كېلىپ چىقىشىمنى ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئەڭ ياخشى ئادەممەن».
شۇنداق قىلىپ ئەدنان ئەۋلادلىرى ئاۋۇپ-كۆپەيگەندىن كېيىن ئوت-چۆپ قوغلىشىپ، ئەرەب زېمىنلىرىنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تاراپ كېتىشتى.
ئابدۇلقەيس جەمەتى، بەكرى ئىبنى ۋائىلنىڭ ئايماقلىرى ۋە تەمىيم قەبىلىسىنىڭ قىسمەن ئايماقلىرى بەھرەينگە كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردە ماكانلاشتى.
بەنۇ ھەنىيفە (ئىبنى سەئەب ئىبنى ئېلى ئىبنى بەكرى) قەبىلىسى يەمامىگە كۆچۈپ چىقىپ، يەمامە تەۋەسىدىكى ھىجرى دېگەن يەرگە چۈشتى. بەكرى ئىبنى ۋائىلنىڭ قالدۇق ئاھالىسى يەمامەدىن بەھرەينغىچە ۋە سەيفى كازىمدىن دېڭىزىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىراق زېمىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەبىللە ۋە ھەيت قاتارلىق كەڭ زېمىنلارغا ئورۇنلاشتى.
تەغلىپ قەبىلىسى پۇرات ئاراللىرىدا ماكان تۇتتى. يەنە قىسمەن ئايماقلىرى بەنى بەكرى ئايماقلىرى بىلەن سىغىشىپ ئولتۇراقلاشتى. بەنۇ تەيىم خەلقى بەسرە تۈزلەڭلىكىگە يەرلەشتى.
بەنۇ سۇلەيم قەبىلىسى مەدىنىگە يېقىن جايدا ۋادىلقۇرادىن خەيبەرغىچە مەدىنىنىڭ شەرقىدىن قوشتاغ چېگراسى ۋە ھەررە تاشلىقىغىچە بولغان ئارىلىقتا ماكان تۇتتى.
سەقىف قەبىلىسى تائىفتا، ھەۋازىن مەككىنىڭ شەرقىدە ئەۋتاس ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى. ئەۋتاس ۋادىسى مەككە بىلەن بەسرە ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ.
بەنى ئەسەد قەبىلىسى تەيمائ نىڭ شەرقىي، كۇفەنىڭ غەربىگە ئۇرۇنلاشتى. بەنى ئەسەد قەبىلىسى بىلەن تەيما ئوتتۇرىسىدا تەي قەبىلىسىنىڭ بەھتەر ئەۋلادلىرى جايلاشقان بولۇپ، ئۇلار بىلەن كۇفە ئارىلىقى بەش كۈنلۈك مۇساپە كېلىدۇ.
زەبىيان قەبىلىسى تەيما بىلەن ھورانغىچە بولغان جايلاردا تۇرۇپ قالدى. تەھامە تۈزلەڭلىكىدە كەنانە قەبىلىسىنىڭ قىسمەن ئايماقلىرى؛ مەككە ۋە مەككە ئەتراپىدا بولسا قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ھەر قايسى ئايماقلىرى تارقاق ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار سىياسى جەھەتتە ئىنتايىن چېچىلاڭغۇ بولۇپ، ھېچقانداق بىر كۈچ ئۇلارنى بىرلەشتۈرەلمىگەنىدى. ئاخىرى ئۇلاردىن قۇسەي ئىبنى كىلاب دۇنياغا كېلىپ، قۇرەيش قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈردى ۋە ئۇلارنىڭ شەرىپىنى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بىرلىك روھىغا ئىگە قىلدى.
ئەرەبلەردىكى ھاكىمىيەت ۋە بەگلىكلەر
ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئەھۋالى بىلەن تونۇشماقچى بولساق، ئۇلارنىڭ تارىخى دەۋرلەردە قۇرغان دۆلىتى، تۇتقان ھاكىمىيىتى، تەشكىللىگەن بەگلىك ۋە خەلىپىلىكلىرىنى، ئېتىقاد قىلغان دىيانىتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى بىر قۇر كىچىكلىتىپ تەسۋىرلەپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەن مەزگىللەردىكى ئەرەبلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇش ئوڭاي بولىدۇ.
ئىسلام قۇياشى مەككە تۇپرىقىدا جۇلالىنىش ھارپىسىدا ئەرەب ئارىلىنىڭ ھۆكۈمران سىنىپلىرى چوڭ جەھەتتىن مۇنداق ئىككى قىسىمغا بۆلۈنەتتى: بىر قىسمى تاج كىيگەن پادىشاھلار. لېكىن ئۇلار ماھىيەتتە تولۇق مۇستەقىل ئەمەس ئىدى. يەنە بىر قىسمى، قەبىلە ۋە ئايماقلارنىڭ باشلىقلىرى. ئۇلارنىڭمۇ تاجلىق پادىشاھلارغا ئوخشاش ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلىرى بار ئىدى. بىرلا ئارتۇقچىلىقى ئۇلارنىڭ قىسمەنلىرى (ئايرىم ئەھۋاللاردا) تاجلىق پادىشاھلارغا بېقىنمىسا، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق مۇستەقىل ئىدى. ئەينى چاغدىكى يەمەن پادىشاھلىقى، غەسسان (شام) پادىشاھلىقى، ھىيرە پادىشاھلىقلىرى تاجلىق پادىشاھلىقلار ھېسابلىناتتى. ئارال ھۆكۈمران سىنىپلىرى ئىچىدە يۇقىرىقىلاردىن باشقىلىرى تاجىسز پادىشاھلار ھېسابلىناتتى.
يەمەن پادىشاھلىقى
يەمەندە ئەرەبۇلئارىبە، يەنى قەدىمى ئەرەبلەر نامى بىلەن مەشھۇر بولغان خەلقلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقىلىرىدىن بىرى سەبەئ خەلقىدۇر. «ئور» خارابىلىقىدىن ئۇلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 25 ئەسىردىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە ئائىت مەدەنىي يادىكارلىقلىرى بايقالدى. ئۇلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 11- ئەسىردىن باشلاپ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە گۈللىنىپ، ھۆكۈمرانلىق نوپۇزىنى تىكلەپ، دۆلەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان.
ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەرنى تۆۋەندىكىدەك مۆلچەرلەش مۇمكىن.
1. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 650- يىلدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەر. بۇ دەۋرلەردە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى «مۇكەررىبە سەبەئ»، دەپ ئاتىلاتتى. ھازىر خەرىيبە (كونا خارابىلىق) دەپ ئاتىلىدىغان مەئرەب شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن بىر كۈنلۈك يىراقلىقتىكى سورۋاھ خارابىيلىقى ئۇلارنىڭ پايتەختى بولغان. بۇ جاينىڭ قەدىمىي شەھەر خارابىلىقلىرى ھېلىھەم مەۋجۇت.
يەمەن تارىخىدىكى مىسلىسىز چوڭ قۇرۇلۇش مەشھۇر «مەئرەب توغىنى» سۇ قۇرۇلۇشى شۇلارنىڭ دەۋرىدە قۇرۇلۇش قىلىنىشقا باشلىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سەبەئ خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەرەب زېمىنىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدا نۇرغۇن جايلارنى مۇستەملىكە قىلغانىكەن.
2. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 650- يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 115- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەزگىللەر. بۇ مەزگىللەردە ئۇلار «مۇكەررىب سەبەئ» دېگەن شاھلىق نامىنى «مولوكو سەبەئ»گە ئۆزگەرتىپ، پايتەختنى سورۋاھتىن مەئرەبكە يۆتكەپ كەلگەن. مەئرەب خارابىلىقى ھازىرقى سەنئا شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 60 ئىنگلىز چاقىرىم يىراقلىققا توغرا كېلىدۇ.
3. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 115- يىلدىن مىلادىيە 300- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دەۋرلەر. بۇ دەۋرلەرگە كەلگەندە ھىميەر قەبىلىسى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، سەبەئ دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالدى ۋە پايتەختنى مەئرەب شەھىرىدىن رىيدانغا يۆتكىدى. رەيدان شەھىرىنىڭ نامىنى زىيپار (غەلىبە)گە ئۆزگەرتتى. زىيپار خارابىلىقى «يەريىم»غا يېقىن يۇمىلاق تاغ ئۈستىدە ھازىرغا قەدەر ئۆز پېتى ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ دەۋرلەردە (يەنى، مىلادىيە 300- يىللىرىغا كەلگەندە) ئۇلارمۇ گۇمرانلىق ۋە تەنەززۇلغا قاراپ يۈزلەندى.
سەۋەبى: بىرىنچىدىن، ئەنىباتلار ھىجازنىڭ شىمالىدا ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكتىن ئۇلارنىڭ تىجارىتى زور دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرىدى.
ئىككىنچىدىن، رۇملۇقلار مىسىر، سۈرىيە ۋە ھىجازنىڭ شىمالىدىن قىسمەن جايلارنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ دېڭىز يولى تىجارىتىنى پۈتۈنلەي قامال قىلىۋالدى.
ئۈچىنچىدىن، قەبىلىلەر ئارا ئىچكى توقۇنۇش يۈز بەردى. مانا بۇ ئامىللار قەھتان ئەرەبلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە يىراق ئەللەرگە كۆچۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
4. مىلادىيە 300- يىلدىن تاكى يەمەنگە ئىسلام دىنى كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى مەزگىللەر. بۇ مەزگىللەردە يەمەن خەلقىنى پالاكەت باستى. ئۇلار كۆپلىگەن تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئىنقىلاب ۋە ئىچكى ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ئەجنەبىيلەرنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم قالدى. شۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، رۇملۇقلار ئەدەننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىغان ئىدى. شۇ يىلى، يەنى مىلادىيە 340- يىلى ھەبەشلەر يەمەندىكى ھەمەدان ۋە ھىميەر قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى نىزادىن پايدىلىنىپ، يەمەننى تۇنجى قېتىم ئىشغال قىلىۋالدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشغالىيىتى ئۇزاققا بارمىدى. مىلادىيە 378- يىلىدىن كېيىن يەمەن خەلقى يەنە تولۇق مۇستەقىللىققە ئېرىشتى. لېكىن كۈتۈلمىگەن يەردىن مەئرەب سۇ توغىنىدا چوڭ-كىچىك چەكلەر پەيدا بولۇپ، بارا-بارا چوڭىيىپ، ئاخىرى مىلادىيە 450- يىلى ياكى 451- يىلى «قۇرئان كەرىم»دە سەيلى ئىرەم دەپ زىكرى قىلىنغان چوڭ سۇ ئاپىتى يۈز بەردى. بۇ زور بالايى ئاپەت تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۆي ئىمارەتلەر ۋەيران بولدى ۋە سانساناقسىز خەلق ئۆي ماكانسىز سەرگەردان بولۇپ كەتتى.
مىلادىيە 523- يىلى يەھۇدىي زۇننىۋاس نەجران ئاھالىسىنىڭ خرىستىئانلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى خرىستىئان دىنىدىن ۋاز كېچىشكە زورلىدى. ئۇلار ئەقىدىسىدىن يانغىلى ئۇنىمىغاندا، يەرگە قاتار ئورا قازدۇرۇپ، ئاستىدىن ئوت قويۇپ، ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغانلارنى بىر-بىرلەپ ئورتقا تاشلاپ، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. «قۇرئان كەرىم» سۈرە بۇرۇجدا مۇشۇ ۋەقەگە ئىشارەت بېرىپ، ﴿قتل اپچاب الاخدود﴾ «ئورەك ئىگىلىرىگە لەنەت بولسۇن»، دەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن كىيىنچە خرىستىئان دىنى مۇخلىسلىرى رۇم خاندانلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەرەب زېمىنلىرىدا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك كېڭەيمىچىلىك ئېلىپ بېرىپ تەسىر دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى. دېمىسىمۇ، رۇملۇقلار ھەبەشلەرنى كۈشكۈرتىپ، ئۇلارغا نۇرغۇن دېڭىزدا جەڭ قىلغۇچى ھەربىي قوشۇنلار بىلەن ياردەم بەردى. نەتىجىدە ھەبەشلەردىن ئەريات ئىسىملىك بىر ھەربىي قوماندان باشچىلىقىدا 70 مىڭ دېڭىز لەشكىرى ئەدەندە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، مىلادىيە 523- يىلى يەمەننى ئىككىنچى قېتىم بېسىۋالدى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەريات ھەبەش خاندانلىقى تەرىپىدىن يەمەنگە ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن ئىدى. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنى ئەبرەھە (ئۆزىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى) يوشۇرۇن ئوجۇقتۇرۇۋېتىپ، ھەبەش خانىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەمەنگە ۋالىي بولدى. ئۇلۇغ كەئبىنى يىقىمەن، دەپ قوشۇن تارتىپ كەلگەن ۋە قۇرئاندا ئەسھابۇلفىيل «پىل ئىگىلىرى»، دەپ ئاتالغان ئەبرەھە دەل مۇشۇ كىشىدۇر.
پىل ۋەقەسىدىن كېيىن يەمەنلىكلەر ئىرانلىقلاردىن ياردەم سوراپ ھەبەشلەرگە قارشى تۇردى ۋە مىلادىيە 575- يىلى ئۇلار ھىميەر قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مەئدىكەرىب ئىبنى سەيىف زىليىزىن رەھبەرلىكىدە ھەبەشلەرنى يەمەن زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، قايتا مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن يەمەن خەلقى ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىۋالدى. مەئدىكەرىب ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر بۆلۈك ھەبەشلەرنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار مەئدىكەرىبنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى ۋە ماڭسا ئۇلىغىنى يېتىلەيتتى. ھەبەشلەر بىر كۈنى مەئدىكەرىبنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىشتى. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھلىق زىيەزىن جەمەتىدىن كېتىپ قالدى. نەتىجىدە، ئىران خانى كىسرا سەنئادا ئىرانلىق ئەمەلدارلارنى تۇرغۇزۇپ، يەمەننى ئىراننىڭ بىر ۋىلايىتىگە ئايلاندۇرۇۋالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەمەنگە ئىرانلىق ئەمەلدارلار ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ ئەلنى ئىدارە قىلىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ۋالىيسى بازان مىلادىيە 638- يىلى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولدى. ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى بىلەن ئىرانلىقلارنىڭ يەمەن زېمىنىغا بولغان ئىستېلاسى ئاياغلاشتى.
ھىيرە پادىشاھلىقى
ئىرانلىقلارنى قارۋاش چوڭ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 527 — 557- يىللىرى) بىرلىككە كەلتۈرگەندىن تارتىپ، ئۇلار ئىراق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنىدى. ھېچكىم ئۇلار بىلەن پۇت تېپىشىشكە پېتىنالمايتتى. تاكى ئىسكەندەر ماكېدونى (ئىسكەندەر زۇلقەرنەين دەپمۇ ئاتىلىدۇ). مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 326- يىلى قوشۇن تارتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھاكىمىيىتىنى تۇنجى قېتىم ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە ئۇلارنىڭ شان-شەۋكىتىنى يەرگە ئۇردى. نەتىجىدە، ئىران زېمىنى پارچىلىنىپ، بۆلۈنمە ھۆكۈمرانلار بارلىققا كەلدى. ئۇلار مولوكۇ تەۋائىف (بۆلۈنمە خانلىقلار) دەپ ئاتىلاتتى. بۇلار تاكى مىلادىيە 230- يىلىغا قەدەر ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا بۆلۈنمە ھالەتتە ھوقۇق تۇتۇپ كەلدى. مۇشۇ بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە قەھتان ئەرەبلىرى يەمەندىن كۆچۈپ كېلىپ، ئىراقنىڭ بىر قىسىم يېزا-قىشلاقلىرىغا ئۇرۇنلاشتى. ئارقىدىنلا مەككىدىن كۆچۈپ چىققان ئەدنان ئەرەبلىرى يېتىپ كېلىپ قەھتانلار بىلەن سىقىشىپ ئولتۇراقلاشتى. ھەتتا پۇرات ئاراللىرىدىن بىر قىسىم جايلارنىمۇ ئىگەللەپ ئولتۇردى.
ئەردشىر (مىلادىيە 226- يىلى ساسان دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى)دەۋرىدە ئىرانلىقلار قايتىدىن باش كۆتۈردى. ئەردىشىر پۈتۈن ئىرانلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئەرەبلەرگىمۇ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. مانا بۇ ئۆزگىرىشلەر قوزائە قەبىلىسىنىڭ شامغا كۆچۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. ھىيرە ۋە ئەنبار ئاھالىلىرى ئىرانلىقلارغا ئەل بولدى.
ئەردىشىر دەۋرىدە جوزەيمە تۇلۋەززاھىنىڭ ھوقۇقى ھىيرە ۋە ئىراق ۋادىسىدىكى بارلىق ئەرەبلەرگە شۇنداقلا ئاراللاردىكى رەبىيئە ۋە مۇزەر ئاھالىلىرىغا تولۇق يۈرۈيتتى. ئەردىشىر ئەرەبلەرگە ئۆز ئىچىدىن نوپۇزلۇق بىر كىشىنى شاھ قىلىپ تەيىنلىمىگەندە، ئۇلارنى بىۋاسىتە ئىدارە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن ساقلىنىش قىيىن دەپ قارىغان بولسا كېرەك. شۇ جەھەتتىن جۇزەيمىنى ھىيرىگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى.
يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئىرانلىقلارغا نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك رەقىبلىرى بولغان رۇملۇقلارغا قارىتا بۇلاردىن پايدىلىنىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى. چۈنكى ئىراق ئەرەبلىرى بىلەن، رۇملۇقلارنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى شام ئەرەبلىرىگە تاقابىل تۇرغىلى بولاتتى.
ئەردىشىر ھىيرە پادىشاھلىقىدا مۇنتىزىم ھەربىي قوشۇن تۇرغۇزدى. قورچاق پادىشاھ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆز شاھىغا قارشى چىققان بەدەۋى ئەرەبلەرگە قارىتا بۇ قوشۇندىن پايدىلىناتتى. جوزەيمە مىلادىيە 268- يىللىرى ئەتراپىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
جوزەيمە ئۆلگەندىن كېيىن لەخمى قەبىلىسىدىن بولغان ئەمرى ئىبنى ئەدىي ئىبنى لەپەر(ئەردىشىرنىڭ ئوغلى سابور شاھنىڭ دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ) لەخمى قەبىلسىدىن چىققان پادىشاھلارنىڭ تۇنجىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى ئىراندا قەبباز ئىبنى فەيرۇز تەختكە چىققانغا قەدەر ھىيرەگە لەخمى قەبىلىسىدىن بولغان پادىشاھلار ئارقا-ئارقىدىن تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى. قەبباز ئىبنى فىيروز ئىرانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىراندا مەزدەك ئىسىملىك بىر كىشى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ «ئىباھىيەت» سەپسەتىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
شۇنىڭ بىلەن قەبباز ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى مەزدەكنى قوللاپ، بۇ ئېقىم ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئاندىن قەبباز ھىيرە پادىشاھى (شۇ ۋاقىتتا مۇنزىر ئىبنى مائىسسەمائە تەختتە ئىدى)غا خەت يېزىپ، مۇشۇ مەسلەكنى يولغا قويۇشنى ۋە ئۇنىڭغا ئەقىدە باغلاشنى تەلەپ قىلدى. مۇنزىر قەببازنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش شاھلىق بەدىلىگە ئېتىقاد ۋە ۋىجداننى ساتقانلىق، بۇنداق قىلىش ئۆزىنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرىنى يوقاتقانلارغا مەنسۇپ، دەپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن قەبباز ئۇنىڭ ھىيرىگە بولغان شاھلىقنى ئېلىپ تاشلىدى ۋە مۇنزىرنىڭ ئورنىغا قەببازنىڭ شەرتىگە كۆنۈپ، مەزدەك ئىدىيسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماقچى بولغان كىندى جەمەتىدىن ھارىس ئىبنى ئەمرى ئىبنى ھىجرىنى ھىيرەگە شاھلىققا تەيىنلىدى.
قەبباز ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا نوشىرۋان تەختكە چىقتى. نۇشىرۋان مەزدەك ئىدىيىسىنى ئىنتايىن يامان كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ تەختكە چىققان ھامان مەزدەك ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن نۇرغۇن كىشىنى جادۇغا باستى. مەمۇرى ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ، مۇنزىرنىڭ ھىيرەگە بولغان شاھلىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. نوشىرۋان ئۆز ئەقىدىسىنى ئەمەلگە تېگىشكەن ھېلىقى ھارىسنى تۇتۇشقا ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ بەنى كەلىپ دىيارىغا قېچىۋېلىپ تاكى ئۆلگەنگە قەدەر شۇ يەردە خار-زەبۇنلۇقتا ئۆتتى.
مۇنزىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەختكە چىقىپ، ئاخىرى نۆۋەت نۇئمان ئىبنى مۇنزىرغا كەلدى. نۇئمان تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە زەيد ئىبنى ئەدىي ئىبادىي دېگەن كىشى نوئمان ئۈستىدىن يالغاندىن گەپ ئويدۇرۇپ، كىسراغا چېقىپ ئىران خانى كىسرانى دەرغەزەپ قىلىۋەتتى ۋە دەرھال نوئماننى ئوردىغا ھازىر قىلىشقا ئادەم ئەۋەتتى. نوئمان يولغا چىقىش ئالدىدا خان لەشكەرلىرىگە تۇيدۇرماستىن، بەنى شەيبان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ھانىئىي ئىبنى مەسئۇدنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بارلىق بالا-چاقا ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئامانەت قويدى-دە، ئاندىن ئىرانغا يۈرۈپ كەتتى. نوئمان ئىرانغا يېتىپ بېرىۋىدى، كىسرا ئۇنى زىندانغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ھىيرەگە ئىياس ئىبنى قەبىيسە تائىينى تىكلەپ، ئۇنى ھانىئى ئىبنى مەسئۇد (شەيبان قەبىلسىنىڭ باشلىقى)غا ئادەم ئەۋەتىپ، نوئمان ئامانەت قويغان ئادەم ۋە مال-مۈلۈكلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا بۇيرىدى. ھانىئىي ئامانەتكە ۋاپا قىلىش يۈزىسىدىن بۇ تەكلىپنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ئۆتمەي كىسرانىڭ لاۋۇ-لەشكەرلىرى ئىياس قوشۇنىغا قېتىلىپ، باستۇرۇپ كېلىپ، زىقار دېگەن جايدا ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېلىشتى. جەڭدە بەنى شەيبان تەرەپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئىرانلىقلار پاجىئەلىك مەغلۇب بولدى. مانا بۇ كۈن ئەرەبلەرنىڭ ئەجەم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان تۇنجى ئۇرۇش كۈنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام تۇغۇلۇپ ئازراقتىن كېيىن يۈز بەرگەن. بۇنداق دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئىياس ئىبنى قەبىيسە ھيرەگە پادىشاھ بولۇپ سەككىز ئايدىن كېيىن دۇنياغا كۆز ئاچقان، دېيىلىدۇ.
ئىياس ئۆلگەندىن كېيىن كىسرا ھىيرەگە ئىرانلىق بىر ئەمەلدارنى ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى ۋە مىلادىيە 632- يىلىغا كەلگەندە ھىيرەنىڭ ھوقۇقى بەنى لەخمى قەبىلىسىگە يەنە قايتتى. شۇنىڭ بىلەن ھىيرەگە ئۇلاردىن مەئرۇر نامى بىلەن مەشھۇر بولغان مۇنزىر ئىسىملىك يەنە بىر كىشى پادىشاھ بولدى. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ قورچاق شاھلىقى سەككىز ئايلىق بولماي تۇرۇپلا، خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئاياغ ئاستىدا دەسسىلىپ ئۆلدى.
شام پادىشاھلىقى
ئەرەبلەردە قەبىلە بويىچەكۆچۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن مەزگىللەردە قوزائە قەبىلىسىنىڭ بىر قانچە ئايمىقى شام تەۋەلىكىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقانىدى. ئۇلار «زەجائىم» نامى بىلەن تونۇلغان بەنى سۇلەھە ئايمىقىنىڭ بەنى زەجئەم ئىبنى سۇلەھە جەمەتى ئىدى. رۇملۇقلار بۇلار ئارقىلىق بەدەۋىيلەرنىڭ تۇيۇقسىز مالىمانچىلىق پەيدا قىلىشىنى چەكلەش ۋە ئىرانلىقلارغا قارىتا ئالدىنقى سەپ مۇداپىئە قالقىنى قۇرۇش مەقسىتىدە ئۇلارنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئىدى ۋە ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پادىشاھ تىكلەپ قويغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى نەچچە يىللار داۋاملاشتى. زىياد ئىبنى ھەبۇللە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ قابىل شاھ ھېسابلىنىدۇ. زەجائىملارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرى تەخمىنەن مىلادىيە 2- ئەسرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىغىچە داۋاملاشقان دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى غەسسان جەمەتىنىڭ شامغا كۆچۈپ كېلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. غەسسانلار شامغا كۆچۈپ كېلىپلا، زەجائىملارنىڭ قولىدىكى ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلارنى تارتىۋالدى ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. شۇنىڭ بىلەن رۇملۇقلار غەسسانلارنى قوللاپ، ئۇلارنى شام ئەرەبلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئاساسىي بازىسى دەۋمەتۇلجەندەل ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن غەسسان قەبىلىسى ئۆزىنىڭ رۇم خاندانلىقىنىڭ شام زېمىنىدىكى غالچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاكى ھىجىرىيىنىڭ 13- يىلى يەرموك ۋەقەسى يۈز بەرگەنگە قەدەر شام زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلدى. ئەڭ ئاخىرىقى پادىشاھى جەبىللە ئىبنى ئەيىھەم ئەمىيرۇلمۇمئىنىين ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى.
ھىجازدا خىلاپەت
ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام) پۈتۈن بىر ئۆمۈر مەككە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە بەيتۇللاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بىلەن 137 ياشقا كىرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشلىرىغا نابىت، ئاندىن قەيدار ۋارىسلىق قىلدى. بۇ ئىككىسىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بوۋىسى مەزاز ئىبنى ئەمرى جورھۇمى ھوقۇق تۇتتى. بۇنىڭ بىلەن مەككىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى جورھۇملۇقلارغا ئۆتۈپ كېتىپ، شۇلارنىڭ قولىدا داۋام قىلدى.
ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ ئەۋلادلىرى پەقەت ئاتىسىنىڭ بەيتۇللاھنى بىنا قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ھۆرمەت قىلىنىدىغان بولدى. ئەمما، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ھېچقانداق ئورنى بولمىدى.
ئايلار يىللار ئۆتۈۋەردى، ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ئاجىزلاپ تاكى بۇختى نەسىر باش كۆتۈرۈشتىن سەل ئىلگىرىكى مەزگىللەرگىچە سىياسىي سەھنىدە تىلغا ئېلىنمايدىغان بولۇپ قالدى ۋە شۇ مەزگىلدىن باشلاپ جورھۇملارنىڭ ئەھۋالى سەل زەئىپلىشىپ، ئەدنان جەمەتىنىڭ سىياسىي چولپىنى مەككە ئاسمىنىدا غىل- پال چاقناشقا باشلىدى. بۇنداق دېيىشىمىزدە بۇختى نەسىر زاتى ئىرىق دېگەن جايدا ئەرەبلەرگە ئورۇش قوزغىغاندا بۇ تەرەپتىن قوماندانلىق قىلغان كىشى جورھۇملۇق بولماستىن، بەلكى ئەدنان جەمەتىدىن ئىدى، دەيدىغان گەپلەر بار.
بۇختى نەسىر ئەرەبلەرگە ئىككىنچى قېتىم (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 587- يىلى) تاجاۋۇز قىلغاندا، ئەدنان جەمەتى يەمەن تەرەپكە كۆچۈپ كېتىشتى ۋە مەئدنى بەرمىيا پەيغەمبەر شامغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇختى نەسىرنىڭ زۇلۇمى پەسەيگەندىن كېيىن مەئدى مەككىگە قايتىپ كەلدى. بۇ چاغدا مەككىدە جورھۇملاردىن پەقەت جورشۇم ئىبنى جەلشەملا قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن مەئدى جورشۇمنىڭ قىزى مۇئاناغا ئۆيلەندى. موئانادىن نەزار دۇنياغا كەلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن مەككىدە جورھۇملارنىڭ ئەھۋالى كۈنسايىن يامانلاشتى. تۇرمۇش قىيىنلىشىپ كەتتى. نەتىجىدە ئۇلار مەككىگە ھەجگە كەلگەن-كەتكەنلەرنى بۇلاپ-تالىدى. كەئبىنىڭ مال-مۈلۈكىنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىشتى. مانا بۇ ئەھۋال ئەدنان تەرەپنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، جورھۇملۇقلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىۋەتتى. شۇڭا، خوزائە قەبىلىسى مەررىزەھرانگا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئەدنانلارنىڭ جورھۇملارغا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئەدنانلاردىن بەزى ئايماقلار (ئۇلار بەنۇ بەكرى ئىبنى ئابدۇماناف ئىبنى كەنانە ئەۋلادلىرى ئىدى) نىڭ ياردىمى بىلەن جورھۇملارنى قوغلاپ چىقىرىپ، مەككىنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى.
جورھوملار مەككىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندا، زەمزەم قۇدۇقىغا بىر قانچە ئەتىۋارلىق نەرسىنى تاشلاپ تۇندۇرۇپ قۇدۇقنىڭ ئىزناسىنى يوقىتىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن چىقىپ كېتىشتى.
ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دېگەن: «جۇرھۇملارنىڭ باشلىقى ئەمرى ئىبنى ھارىس ئىبنى مەزاز كەئبنىڭ ئىككى دانە كىيىكىنى ۋە ھەجەرۇلئەسۋەدنى ئېلىپ چىقىپ، زەمزەم قۇدۇقىغا تاشلاپ كۆمۈۋەتتى. ئاندىن ئادەملىرىنى باشلاپ يەمەن تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. كېيىن ئۇلار مەككە ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ قولىدىن كەتكەنلىكىگە قاتتىق قايغۇرۇپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى يازدى.
ھەجون بىلەن ساپا ئارا يۈرگەنىدۇق،
مەككىنىڭ دالاسىدا شېرىن پاراڭ سۈرگەنىدۇق.
ئەلۋەتتە بىز ئۇلۇغ جايدا تۇرغانىدۇق،
جودۇن شامال تەگدى بىزگە، سۈرگۈن بولدۇق.
ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ ياشىغان دەۋرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 20- ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا جۇرھۇملارنىڭ مەككىدە تۇرغان ۋاقتىنى تەخمىنەن 21 ئەسىر، مەككىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتىنى 20 ئەسىر ئۆپچۆرىسىدە مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. خۇزائە قەبىلسىمۇ بەنى بەكرى ئايمىقىنى چەتكە قېقىپ، مەككىنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالدى. پەقەت بەنى بەكرىگە مۇنداق ئۈچ خىل ئىمتىيازنىلا بەردى.
1. ھاجىلارنى ئەرەفات تېغىدىن مۇزدەلىفەگە باشلاپ كېلىش ۋە مىنادىن قايتىش كۈنى ئۇلارغا ئىجازەت بېرىش: بۇ ئىشلارغا ئىلياس ئىبنى مۇزەر ئايمىقىدىن بەنى غەۋس ئىبنى مۇررە جەمەتى رىياسەتچىلىك قىلاتتى. ئۇلار سوفە، دەپ ئاتىلاتتى. ئىجازەت بېرىش دېگىنىمىز سوفەلەردىن بىر كىشى شەيتانغا تاش ئېتىشنى باشلاپ بەرمىگۈچە ھاجىلار تاش ئېتىشقا بولمايتتى. مىنادىن قايتىش ۋاقتىدا سوفەلەر ئەقەبەنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ بەنى غەۋس ئۆتۈپ بولغۇچە ھېچكىشىنى ئۆتكۈزمەيتتى. ئۇلار ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يولنى قويۇۋېتەتتى. بەنى تەمىم قەبىلىسىدىن سەئەد ئىبنى زەيدىمانات جەمەتى ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلدى.
2. نەھرى (قۇربانلىق قىلىش) كۈنى ئەتىگەن ھاجىلارنى مۇزدەلىفەدىن مىناغا قايتۇرۇپ كىرىش. بۇ ئىشقا بەنى ئودۋان جەمەتى يېتەكچىلىك قىلاتتى.
3. ھارام ئايلارنى نىسىي (كەينىگە سۈرۈپ) قالدۇرۇپ بېكېتىش ھوقۇقى. بۇ بەنى كەنانە قەبىلىسىدىن تەمىم ئىبنى ئەدىي جەمەتىنىڭ قولىدا ئىدى.
خوزائە قەبىلىسىنىڭ مەككىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشى 300 يىلدەك داۋاملاشتى. ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئەدنان «ئەرەبۇ مۇستەئرىبە»لەر نەجدى، ئىراق ئەتراپى ۋە بەھرەين قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كېتىشتى. مەككە ئەتراپىدا قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ بىر قانچە ئايمىقىلا ھەرەمنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا تۇرۇپ قالدى ۋە بىر قانچە ئائىلە ئۆز پۇشتىلىرى بولغان بەنى كەنانە خەلقلىرى بىلەن سىغىشىپ ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار تاكى قۇسەي ئىبنى كىلاب باش كۆتۈرۈپ چىققانغا قەدەر مەككىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە بەيتۇللاھنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمىغانىدى.
قۇسەينىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ھامىلە ۋاقتىدا ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئانىسى بەنى ئوزرە قەبىلىسىدىن بىر كىشى (ئۇ رەبىئە ئىبنى ھەرام ئىدى)گە ياتلىق بولىدۇ. ئۇ كىشى بۇلارنى شام ئەتراپىدىكى مەھەللىسىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. قۇسەي چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مەككىگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا مەككىنىڭ ۋالىيسى خۇزائە قەبىلىسىدىن ھەلىيل ئىبنى ھەبەشە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇسەي ھەلىيلنىڭ قىزى ھۇباغا خېرىدارلىق قىلىدۇ. ھەلىيلمۇ قۇسەينى ياقتۇرۇپ قېلىپ، قىزى ھۇبانى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ. ھەلىيل ئۆلگەندىن كېيىن خۇزائە قەبىلىسى بىلەن قۇرەيشلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىپ ئاخىرى مەككىنىڭ ھوقۇقى ۋە بەيتۇللاھنىڭ ئىشلىرى قۇسەينىڭ قولىغا ئۆتىدۇ.
مەزكۇر ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا مۇنداق ئۈچ خىل قاراش بار.
1. قۇسەينىڭ بالىلىرى ئاۋۇپ ماللىرى كۆپەيدى ۋە نوپۇزى تىكلىنىپ بولغاندىن كېيىن ھەلىيل ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ چاغدا قۇسەي ئۆزىنى بەيتۇللاھ ۋە مەككە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا خوزائە ۋە بەنى بەكرى قەبىلىلىرىدىن كۆرە ئۆزى ئەڭ ھەقلىق دەپ قارىدى. چۈنكى، قۇرەيشلەر ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام) ئەۋلادلىرىنىڭ كۆزى، ئىرقى بىر قەدەر ساپ جەمەت ئىدى. شۇڭا، ئۇ قۇرەيش ۋە بەنى كەنانە قەبىلىلىرى ئىچىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەرگە خوزائە ۋە بەنى بەكرى قەبىلىلىرىنى مەككىدىن قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. قۇرەيش ۋە بەنى كەنانە خەلقى ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى-دە، بۇ ئۇرۇش يۈز بەردى.
2. ھەلىيل (خوزائە خەلقىنىڭ ئېيتىشىچە) قۇسەيگە بەيتۇللاھ ۋە مەككە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ تۇتۇش توغرىسىدا تەۋسىيە قالدۇرغانمىش، شۇڭا بۇ ئۇرۇش پارتلىغانمىش.
3. ھەلىيل بەيتۇللاھغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئىشىنى قىزى ھۇباغا بېرىپ ئۆز جەمەتىدىن ئەبۇ غەبىشان خوزائىينى قىزىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەبۇ غەبىشان ھۇباغا ۋاكالىتەن بەيتۇللاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن. ھەلىيل ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەبۇ غەبىشان بۇ ۋەزىپىنى قۇسەيگە بىر تولۇم ھاراققا سېتىۋەتكەن. خۇزائە خەلقى بۇ سودىغا نارازى بولۇپ، قۇسەينى بەيتۇللاھقا ئىگىدارچىلىق قىلىشتىن توسىماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن قۇسەي قۇرەيش ۋە بەنى كەنانە قەبىلىلىرىنىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرىگە خۇزائە قەبىلىسىنى مەككىدىن قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ كۈچ توپلىغان. ئۇلارمۇ قۇسەينىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان، نەتىجىدە بۇ ئۇرۇش يۈز بەرگەن.
قانداقلا بولمىسۇن ھەلىيل ئۆلۈپ كەتتى. سوفەلەر ئۆز ئىمتىيازىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. قۇسەي قۇرەيش ۋە بەنى كەنانەدىن توپلىغان ئادەملىرىنى باشلاپ ئەقەبەگە باردى ۋە ئۇلارغا: بۇ خىزمەتلەرگە سىلەردىن كۆرە بىز لايىقراقدۇرمىز، دېدى، ئۇلار قۇسەيگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئۇرۇش قوزغىدى. بۇ ئۇرۇشتا قۇسەي مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ غەلىبە قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىپ، ئۆزى باشقۇردى. بۇ چاغدا خۇزائە ۋە بەنى بەكرى قەبىلىلىرىدىن بىر قىسىملار قۇسەيدىن ئۆزىنى قاچۇرغانىدى. لېكىن، قۇسەي ئۇلارغىمۇ باستۇرۇپ بېرىپ، ئۇرۇشۇشقا مەجبۇرلىدى. نەتىجىدە، ئىككى تەرەپ تۇتۇشۇپ، قاتتىق قىرغىن قىلىشتى. ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم بۇ ئۇرۇشقا يەم بولۇپ كەتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كېلىشىم تۈزەشكە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەنى بەكرى قەبىلسىدىن يەئمۇر ئىبنى ئەۋفنى ئارىدا ئادىل تۇرۇپ، ماجرانى ئايرىپ قويۇشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. يەئمۇر مۇنداق ئايرىدى:
1. بەيتۇللاھنىڭ مۇتەۋەللىيلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى تۇتۇشقا خوزائە قەبىلسىگە قارىغاندا قۇسەي ھەقلىقدۇر.
2. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قۇسەي تەرەپ خۇزائە تەرەپتىن تۆككەن قانلارنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىدۇ. خۇزائە ۋە بەنى بەكرى قەبىلىلىرى تۆككەن قانلار بولسا ئۇنىڭغا چوقۇم دىيەت(قان پۇلى) تۆلىتىپ ئېلىنىدۇ ۋە قۇسەينى كەئبە ئىشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشتىن توسۇشقا بولمايدۇ، قاتارلىقلار ئىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن يەئمۇر شەدداخ «كەسكۈچى»، دەپ ئاتالدى. قۇسەينىڭ مەككە ۋە بەيتۇللاھنىڭ ئىشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشى مىلادىيە 5- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، يەنى 440- يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن قۇسەينىڭ ۋە قۇرەيشلەرنىڭ مەككە تەۋەسىدە خوجىلىق ئورنى تىكلەندى ۋە ھوقۇقى يۈرىدىغان بولدى. بولۇپمۇ، قۇسەي ئەمدى ئارالنىڭ جاي-جايلىرىدىن كىشىلەر ئۈزۈلمەي تاۋاپقا كېلىپ تۇرىدىغان ئاشۇ بەيتۇللاھنىڭ بىردىن-بىر دىنىي داھىيسىغا ئايلاندى.
قۇسەينىڭ مەككىدە ئېلىپ بارغان ئىشلىرىدىن بىرى ئۇ قۇرەيشلەرنى ئەتراپتىكى تارقاق تۇرالغۇ جايلىرىدىن مەككىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئايماقلار ئارا زېمىن بۆلۈپ بەردى ۋە قۇرەيشلەرنىڭ ھەر بىر ئايمىقىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئولتۇراق جايلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ئولتۇراقلاشتۇردى. ھارام ئايلارنى ئالدى كەينىگە سۈرۈشنى يولغا قويدى. سەفۋان جەمەتى، ئۇدۋان جەمتى ۋە مۇررە ئىبنى ئەۋف جەمەتلىرىنى بۇرۇنقى مەنسەپ ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمەن قىلدى. چۈنكى، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە بۇ ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان دىنى قائىدە-يۇسۇن دەپ قارايتتى.
قۇسەينىڭ ياخشى ئىش-ئىزلىرىدىن يەنە بىرى ئۇ مەسجىدىلھەرامنىڭ شىمالى تەرىپىگە بىر ئىشىك ئېچىپ، ئۇنىڭ سىرتىغا بىر دارۇننەدوۋەت (كېڭەش يۇرتى) تەسسىس قىلدى. بۇ قۇرەيشلەرنىڭ يىغىن زالى ئىدى. مۇھىم ئىشلار مۇشۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىنىپ، ھەل قىلىناتتى. بۇ ئورۇن قۇرەيشلەرنىڭ پىكىر بىرلىكى ۋە مۈشكۈلاتلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا رولى زور بولغاچقا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىلاتتى.
قۇسەينىڭ تۆۋەندىكىدەك ئەمەلىي ھوقۇقى بار ئىدى:
1. دارۇننەدوۋەت (كېڭەش يۇرتى)نى باشقۇرۇش ھوقۇقى. ئۇلار بۇ يەردە پەۋقۇلئاددە يۈز بەرگەن چوڭ-چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلاتتى ۋە ئوغۇل-قىزلىرىنى ئۆيلەيتتى.
2. تۇغ چىقىرىش ھوقۇقى. ئۇرۇش تۇغىنى قۇسەي ئۆز قولى بىلەن قاداپ بېرەتتى.
3. ھىجابەت. ئۇ كەئبە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولۇپ، كەئبىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشقا توغرا كەلسە، قۇسەي ئۆز قولى بىلەن ئېچىپ بېرەتتى. يەنە كەئبىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قاراش ھوقۇقى قۇسەينىڭ قولىدا ئىدى.
4. ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقى. قۇرەيشلەر ھەج مەۋسۇمى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن مەخسۇس كۆلچەكلەرنى ياساپ، سوغا توشقۇزۇپ، ئۇنىڭغا قۇرۇق ئۈزۈم ۋە خورما مېۋىلىرىنى چىلاپ تەم كىرگۈزۈپ، ھاجىلار ئۈچۈن تەييارلاپ قوياتتى. ھەر قايسى ئەل ھاجىلىرى مەككىدە تۇرغان مەزگىللەردە شۇ ئىچىملىكتىن بەھرىمەن بولاتتى.
5. رىفادە. بۇ ھاجىلارغا زىياپەت بېرىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىنىدىغان تاماق بولۇپ، قۇسەي قۇرەيش خەلقىگە ھەر يىلى ھەج مەۋسۇمىدا ماللىرىدىن مەلۇم مىقدارنى ئايرىشنى بەلگىلىگەنىدى. ئۇ بۇ ماللار بىلەن ئوزۇق-تۈلۈكى يېتىشمىگەن ھاجىلارغا ئاتاپ ئاش-تاماق تەييارلايتتى.
يۇقىرىقى ئىشلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقى پۈتۈنلەي قۇسەينىڭ قولىدا بولۇپ، قۇسەينىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇمەنناپمۇ ئاتىسى ھايات ۋاقتىدىلا خېلى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە مۆتىۋەرلەردىن بولۇپ قالغانىدى. ئەكسىچە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئابدۇددارنى ھېچ كىشى كۆزگە ئىلمايتتى. شۇڭا قۇسەي ئۇنىڭغا: «مەن سېنى شەرەپتە قېرىندىشىڭغا يەتكۈزۈپ قويۇشۇم كېرەك»، دەپ قارىدى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىدىغان بارلىق ئىمتىيازلارنى ئىلتىپات قىلدى. بولۇپمۇ دارۇننەدوۋەت رىياسىتى، ھىجابەت شەرىپى، تۇغ قاداش ھوقۇقى، سىقايەت (ھاجىلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش) مەنسىپى قاتارلىق قۇسەينىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنىڭ ھەممىسىنى شۇنىڭغا بېرىۋەتتى. قۇسەي بۇيرۇقى كەسكىن، دېگىنى دېگەن، ھۆر ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ بۇيرۇقى مەيلى ھاياتىدا بولسۇن ياكى ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بولسۇن، شەرتسىز ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك دىنىي مەجبۇرىيەت دەپ قارىلاتتى. شۇڭا، قۇسەي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ پەرمانى بويىچە ئىش كۆردى. ھېچقانداق نىزائ بولمىدى. بىراق ئابدۇماناف ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بالىلىرى ئابدۇددارنىڭ ئوغۇللىرى (يەنى بىر نەۋرە ئاغىلىرى)دىن ھېلىقى مەنسەپ ۋە ئىمتىيازلارنى تالاشتى. نەتىجىدە، قۇرەيشلەر ئىككى پىرقىگە بۆلۈندى. ھەتتا ئارىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى. لېكىن، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۆزئارا سۈلھىگە چاقىرىشىپ يۇقىرىقى مىراس مەنسەپلەرنى بۆلۈشۈۋالدى. سىقايەت (ھاجىلارنىڭ ئۇسسۇزلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش) ۋەزىپىسى ۋە رىفادەت (ھاجىلارنىڭ ئاش-تاماق ئېھتىياجىنى قامداش) مەنسىپى بەنى ئابدۇماناف جەمەتىگە ئېلىپ بېرىلدى. دارۇننەدوۋەت، جەڭ تۇغى ۋە ھىجابەت (بەيتۇللاھقا قاراش) قاتارلىقلار ئابدۇددار جەمەتىگە قالدى. ئاندىن كېيىن ئابدۇماناف جەمەتى ئۆزلىرىگە نېسىپ بولغان ھېلىقى ئىمتىيازلارغا كىمنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا چەك تاشلاپ كۆرۈشتى. نەتىجىدە، چەك ھاشىم ئىبنى ئابدۇمانافقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ھاشىم ئىبنى ئابدۇماناف تاكى ئۆمرى ئاخىرلاشقانغا قەدەر سىقايەت ۋە رىفادەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ كەلدى. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قېرىندىشى مۇتەللىپ ئىبنى ئابدۇماناف تۇتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ بوۋىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئىبنى ھاشىم ئىبنى ئابدۇماناف تۇتتى. ئابدۇلمۇتەللىپتىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن مەزگىللەردە يۇقىرىقى ئىمتىيازلار ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ قولىدا ئىدى.
قۇرەيشلەرنىڭ ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالغان يەنە بىر قانچە خىل ئەمەل- مەنسەپلىرى بار ئىدى. ئۇلار بۇ ئەمەل، ئىمتىيازلار ئارقىلىق گويا بىر كىچىك دۆلەتنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتىنى ھاسىل قىلغانىدى (تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، يېرىم دېموكراتىيىلەشكەن بىر دۆلەت قۇرغانىدى). بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى پارلامېنت ئاپپاراتى ۋە كېڭەش قۇرۇلتايلىرىغا ئوخشاش خىزمەت تەقسىمات دائىرىسى ۋە ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەشغۇلىيەت تۈزۈمى بار ئىدى. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ خىزمەت تەقسىمات ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:
1. ئىيسار. يەنى بۇتلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىش سوراش ئوقلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى. بۇ بەنى جۇمەھە قەبىلىسىدە ئىدى.
2. تەھجىيرۇلمال. يەنى بۇتلارغا ھەدىيە قىلىنغان قۇربانلىق ۋە نەزىر چىراغلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقى، شۇنىڭدەك جېدەل-ماجىرا، ئەدلىيە ۋە دەۋا ئىشلىرىنى ئايرىش ھوقۇقى. بۇ بەنى سەھمى جەمەتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىدى.
3. مەسلىھەت يىغىنى تەشكىللەش. بۇ بەنى ئەسەد جەمەتىنىڭ قولىدا ئىدى.
4. ئىشناق. يەنى دىيەت (جىنايى ئىشلار تۆلىمى) ۋە قەرز ئىشلىرى ۋە دەۋا دەستۇرلارنى ئايرىش ھوقۇقى. بەنى تەيىم جەمەتىدە ئىدى.
5. ئىقاب. يەنى تۇغ-ئەلەملەرنى كۆتۈرۈش ھوقۇقى. بەنى ئۇمەييە جەمەتىدە ئىدى.
6. قۇببە. يەنى ئەسكىرى كۈچلەرنى تەشكىللەش، شۇنىڭدەك ئاتلىق قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش مەنسىپى. بۇ بەنى مەخزۇم جەمەتىدە ئىدى.
7. سىفارەت. (تاشقى ئالاقە، يەنى دېپلوماتىيە خىزمىتى ھوقۇقى) بەنى ئەدىي جەمەتىدە ئىدى.
ھىجاز سىرتىدىكى ئەرەبلەرنىڭ قۇرغان ھاكىمىيەتلىرى
ئالدىنقى بابلاردا قەھتان ۋە ئەدنان ئەرەبلىرىنىڭ قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ ھىجرەت قىلغانلىقىنى ۋە كەڭ ئەرەب زېمىنىنى ئۆزئارا بۈلۈشۈۋالغانلىقىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا بۇ قەبىلىلەردىن ھىيرەگە يېقىن جايلاردا ئولتۇراقلاشقانلىرى ھىيرەدىكى ئەرەب خانىغا قارايتتى. شام ۋادىسىغا بېرىپ چۈشكەنلىرى شامدىكى غەسسان خاندانلىقىغا بېقىناتتى. لېكىن، بۇ بېقىندىچىلىق پەقەت نامدىلا بولۇپ، ئەمەلىيەتتە خېلى ئەركىن ئىدى. ئەمما، ئارالنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان بەدەۋى قەبىلىلەر بولسا مۇتلەق ئەركىن ئىدى، دېگەنىدۇق.
ئەسلىدە بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئۆزى سايلاپ چىققان قەبىلە باشلىقلىرى بار ئىدى، ھەر بىر قەبىلە كىچىك بىر دۆلەت شەكلىدە بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئۇرۇقداشلىق، تەئەسسوبىيەت (تەرەپبازلىق)، زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ۋە تاجاۋۇزچىلىققا تەشكىللىك قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئورتاق مەنپەئەت بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىرلىككە كېلىشىنىڭ تىپىك ماھىيىتى ئىدى.
قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ شۇ قەبىلىدىكى ئورنى پادىشاھلىق دۆلەتتىكى پادىشاھلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. قەبىلە ئەزالىرى ئۇرۇش ۋە تىنچلىقتا قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ رايىغا باقاتتى. ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشقا بولمايتتى. قەبىلە باشلىقىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزۈشى ۋە مۇستەبىت بىيۇروكراتلىقلىقى گويا كۈچلۈك بىر سولقانات گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشىنىڭ قىلىقىغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ بىرى قاچانكى بىر چاغدا، ئورۇنسىز دەرغەزەب بولۇپ قالسا، نەچچە مىڭ سەرۋاز ئۆز باشلىقىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلانغانلىقىنى سورىماستىن ھەمدەمگە كېلەتتى. بىر نەۋرە تۇغقانلار ئارىسىدىكى قەبىلىنىڭ خوجايىنلىق ئورنىنى تالىشىش رىقابىتى ئۇلارنى نۇرغۇن خەيرى-ساخاۋەتلەرنى قىلىپ مېھمانلارغا زىياپەت بېرىشكە، كەڭ قول، مۇلايىم بولۇشقا كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۆزگىلەرنى قوغداشقا شىجائەت كۆرسىتىشكە، ئەلنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا مەجبۇرلايتتى. بولۇپمۇ، شۇ ۋاقىتلاردىكى قەبىلىنىڭ تەشۋىقات تىلى بولغان شائىرلارنى قولغا كەلتۈرۈش تولىمۇ مۇھىم ئىدى. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، رەقىبلىرىدىن ئۈستۈن تۇراتتى.
قەبىلە باشلىقى ۋە يۇرت چوڭلىرىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۇرۇش ئولجىلىرىدىن مىربائ (غەنىيمەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆت قىسمىدىن بىر قىسمىنى) سافايا (غەنىيمەت تەقسىم قىلىنىشتىن ئىلگىرى كۆزگە چىرايلىق كۆرۈنگىنى) ، نەشىيتە (ئۇرۇشتىن ئاۋۋال قولغا چۈشكەن غەنىيەت) ۋە فوزۇل (تەقسىم قىلىشقا ئەپسىز بولۇپ قالغان مال-مۈلۈك) قاتارلىقلارنى خالىغانچە ئايرىپ ئېلىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى. بۇ ھەقتە بىر شائىر مۇنداق يازىدۇ.
ئى رەئىس ئالىيلىرى، سىز ئۈچۈن تۆتتىن بىرى،
خالىغاننى ئالسىلا، يۈرۈيدۇ ھۆكۈملىرى.
ئالدىدا كەلگەن غەنىيمەت سىزگىدۇر، ئۇ بىنىزائ.
ئاشقىنىگە مەرھەمەت قىلسىلا ھەم يوق بېرى .
مىربائ: غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرى ساپايا. قەبىلە باشلىقى غەنىمەت تەقسىم قىلىنىشنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە تاللىۋالغان نەرسە. نەشىيتە: قوشۇن دۈشمەنگە تېگىش قىلىشتىن ئىلگىرى قولغا چۈشۈرگەن مال-مۈلۈك. فوزۇل: ئەسكەرلەرنىڭ سانى بويىچە تەقسىم قىلىشقا توغرا كەلمەي ئېشىپ قالغان بىرەر دانە تۆگە ۋە ئاتقا ئوخشاش ماللاردۇر.
سىياسىي ۋەزىيەت
يۇقىرىدا ئەرەب ھۆكۈمران سىنىپلىرىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق. ئەمدى ئەرەبلەرنىڭ ئەينى چاغدىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى خۇلاسىلىغان ھالدا بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. ئەرەبلەرنىڭ غەيرى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن چېگرىداش بولغان ئۈچ تەرەپنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئىنتايىن داۋالغۇش ۋە مۇقىمسىزلىق ئىچىدە ئۆتەتتى. ئادەملەر قۇللار ۋە قۇلدارلار، ھۆكۈمرانلار ۋە ياكى مەھكۇملار دەپ ئىككى تەبىقىگە بۆلۈنەتتى. قۇلدار خوجايىنلار (بولۇپمۇ ئەجنەبىي ھۆكۈمرانلار) ھالۋا يېسە، يېتىم ۋە قۇل-چۆرىلەر تايىقىنى يەيتتى. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، پۇقرالار ھۆكۈمەتكە غەللە تاپشۇرىدىغان يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىزغا ئوخشايتتى. ھۆكۈمەت ئۇلارنى بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋەت ۋە ئەيشى-ئىشرەتلىرى ئۈچۈن ئويۇنچۇق ئورنىدا ئويناپ تاماشا قىلسا، يەنە بەزىدە ئۇلارنى زۇلۇم-سىتەم ۋە يولسىز تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا لاخشىگىر ئورنىدا ئىشلىتەتتى. ئەمما، نادان خەلق غەپلەت ئۇيقۇسىدا خورەك تارتىپ، ھەيرەت چۆلىدە تېڭىرقاپ يۈرمەكتە ئىدى. ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن زۇلۇم ئوقلىرى توختىماي يىغىۋاتقان بولسىمۇ، مۇداپىئەلىنىش ۋە تەدبىر قوللىنىشقا مادارى يەتمەيتتى. بەلكى، ئۇلار خىلمۇ-خىل ئازاب ئوقۇبەت تەملىرىنى جىم تۇرۇپ تېتىشقا مەجبۇر ئىدى. قىسقىسى ھۆكۈمرانلار ئىنتايىن مۇستەبىت ئىدى، كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەت قاتتىق ئاياغ ئاستى قىلىنغانىدى. بۇ رايونلارغا چېگرىداش قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئىنتايىن تۇراقسىز بولۇپ، ناتوغرا خاھىش ۋە يامان غەرەزلەرنىڭ ئوقىغا نىشان بولۇپ قالغانىدى. ئۇلار بىردەم ئىراقلىقلارنىڭ ھىمايىسىگە كىرسە، يەنە بىردەم شام خاندانلىقىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتاتتى.
ئارالنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ چېگرا ئەتراپىغا جايلاشقان ئەرەبلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قېلىشمايتتى. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يىرىك بولۇپ، قەبىلىۋازلىق، جەمەتۋازلىق ۋە دىنىي ئىختىلاپلار ئەسىر قىلىۋالغان ئىدى. ھەتتا، ئۇلارنىڭ بىر ناتىقى مۇنداق دېگەن:
مەن بۇلاڭچى توپىدىن ئالدىن قاتاردا بىر كىشى،
توغرا بولسۇن يا خاتا تەقدىرداش ھەممە ئىشى.
بۇ قەبىلىلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ، قۇۋۋەتلەيدىغان بىرەر پادىشاھى ۋە ياكى قىيىن كۈنلەردە باشپاناھ بولىدىغان سەردارى يوق ئىدى.
ئەمما، ھىجاز ھۆكۈمىتىگە قارىتا پۈتۈن ئەرەبلەر قەدىرلەش ۋە ئۇلۇغلاش نەزەرى بىلەن قارايتتى ۋە ئۇلارنى دىنىي مەركەزنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي رەھبەرلىرى دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. بۇ ھۆكۈمەت سىياسىي، مەمۇرىي ۋە دىنىي جەھەتلەردىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى بىرلەشتۈرگەن شۇنداقلا بىر قەدەر مۇكەممەل تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەت بولۇپ، پۈتۈن ئەرەبلەرگە «دىنى رەھبەرلىك» نامى بىلەن، ھەرەم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا «ئاللاھنىڭ مېھمانلىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ۋە ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان ھۆكۈمەت» دېگەن نام بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا ئوخشاش (يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك) ھۆكۈمەت تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ئىش تەقسىماتلىرى بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئاجىز بولغاچقا، دۆلەتنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈپ كېتەلمەيتتى. بۇ ئەھۋال ھەبەشلەر باستۇرۇپ كىرگەندە ناھايىتى رۇشەن ئىپادىلەندى.
ئەرەبلەرنىڭ دىيانىتى
ئەرەبلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالام (ئۇلارنى ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ دىنغا دەۋەت قىلغاندا)نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغانىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھنى بىر بىلەتتى. ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلاتتى ۋە ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇراتتى. زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق بولۇپ، ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك دىنىي قائىدە- يوسۇنلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلاردا تەۋھىد ئەقىدىسى ۋە ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ دىنىدىن بىر قانچە دىنىي قائىدە يۇسۇنلار يەنىلا قېپقالغانىدى. ئاخىرى خۇزائە قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئەمرى ئىبنى لوھەي دۇنياغا كەلدى. ئۇ ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىش، خەيرى-ساخاۋەتنى كەسىپ قىلىش ۋە دىنىي ئىشلارغا قىزغىن بولۇش قاتارلىق ئالاھىدە پەزىلەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلدى. شۇڭا، ئۇ ئەل ئارىسىدا ھەممە سۆيىدىغان شەخسكە ئايلاندى ۋە ئۇنى كاتتا ئۆلىما ۋە ئۇلۇغ ئەۋلىيا دەپ بىلىپ، يۇرت چوڭى قىلىپ تىكلىۋېلىشتى. ئۇ قەبىلە باشلىقى بولغاندىن كېيىن، بىر نۆۋەت شامغا زىيارەتكە چىقتى. ئۇ زىيارەت داۋامىدا شاملىقلارنىڭ بۇتلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇنى ياقتۇرۇپ قالدى ۋە مۇشۇ توغرا، چۈنكى شام پەيغەمبەرلەرنىڭ ماكانى ۋە ئىلاھى كىتابلارنىڭ تارقىلىش ئورنى دەپ ئويلاپ، يېنىشىدا ھۇبۇل دېگەن بۇتنى بىرگە ئالغاچ كەلدى ۋە كەئبىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ مەككە ئاھالىسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە چاقىردى ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋۋال مەككىلىكلەر ئاۋاز قوشتى. ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھىجاز ئاھالىسى ئەگەشتى. چۈنكى، مەككىلىكلەر ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بەيتۇللاھنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ھەرەم ئەھلىيىسى ئىدى.
ئەرەبلەر چوقۇنغان بۇتلارنىڭ ئەڭ قەدىمقىلىرىدىن بىرى «مانات» بۇتى بولۇپ، قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى قەدىيد (جاي نامى) غا يېقىن جاي مۇشەللەل (جاي نامى)دە ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار تائىفقا «لات» دېگەن بۇتنى تىكلىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ۋادىننەخلى (جاي نامى)گە ئۇززا دېگەن بۇتنى تىكلەشتى. مانا بۇ ئۈچى ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ چوڭ بۇتلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مەككە تەۋەسىدە شېرىك ئەقىدە يامراپ كەتتى، ۋە ھىجازنىڭ ھەممە بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدا چوڭ-كىچىك بۇتلار پەيدا بولدى. ئېيتىلىشىچە، ئەمرى ئىبنى لۇھەينىڭ جىن تائىپىلىرىدىن بىر يول كۆرسەتكۈچىسى بار بولۇپ، ئۇ ئەمرى ئىبنى لۇھەيگە نۇھ ئەلەيـھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ (ۋەد، سۇۋائ، يەغۇس، يەئۇق ۋە نەسىر قاتارلىق) بۇتلىرى جىددىدە دەپنە قىلىقلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەمرى ئىبنى لۇھەي جىددىگە بېرىپ، ھېلىقى بۇتلارنى كولاپ چىقىرىپ تەھامىگە ئېلىپ كەلگەن ۋە ھەج مەۋسۇمىدە، ھېلىقى بۇتلارنى ھەر قايسى قەبىلىنىڭ ھەج ئۆمەكلىرىگە تارقىتىپ بەرگەن. ئۇلار بۇ بۇتلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا ئېلىپ كېتىشكەن. نەتىجىدە ھەر بىر قەبىلىنىڭ بىردىن، ھەتتا ھەر بىر ئائىلىنىڭ بىردىن بۇتى بار بولغان. ئۇلار تېخى مەسجىدىلھەرامنىمۇ بۇتلار بىلەن توشقۇزىۋەتكەنىكەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيـھى ۋەسەللەم مەككىنى ئىشغال قىلغاندا بەيتۇللاھنىڭ ئەتراپىدا 360 بۇتنىڭ قاتار تىزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى ۋە بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇپ پاچاقلاپ تاشلىۋەتتى. ئاندىن پەرمان چۈشۈرۈپ، مەسجىدنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرۇۋەتتى.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شېرىك ئەقىدە ۋە بۇتپەرەسلىك ئۆزلىرىنى ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ دىنىدا دەۋالغان، جاھىلىيەت ئاھالىسىنىڭ دىنىي ئەھۋالى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇتلارغا قىلىدىغان ئىبادەتلىرىدە بىر قانچە تۈرلۈك تەقلدىي ئادەت ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبلىرى بار بولۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەمرى ئىبنى لۇھەي ئىجاد قىلغان. ئۇلار ئەمرى يولغا قويغان ھەر قانداق ئىشنى «بىدئەت ھەسەنە»، يەنى ياخشى يېڭىلىق، بۇ ھەرگىزمۇ ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ دىنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىك ئەمەس، دەپ قارايتتى.
مۇشرىكلارنىڭ بۇتقا چوقۇنۇش مۇراسىملىرىدىن تۆۋەندىكىلەر گەۋدىلىك پائالىيەتلەر ھېسابلىنىدۇ.
1. ئۇلار مۇشۇ بۇتلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلىدۇ ۋە ئارزۇ-تىلەكلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئاشۇ بۇتلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىستىقامەت قىلاتتى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى تىلەيتتى. ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلايتتى، قىيىنچىلىققا يولۇقسا، دادۇ-پەرياد ئېيتىپ ھاجىتىنى تىلەيتتى.
2. ئۇلار بۇتلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ھەج تاۋاپ قىلىشاتتى. بۇتلار ئۈچۈن تاۋاپ-زىيارەت قىلاتتى ۋە بۇت ئالدىدا ئۆزىنى خارۇ-زار تۇتۇپ، يېقىلىپ، سەجدىگە باش قوياتتى.
3. بۇتلارنىڭ نامىغا ئاتاپ قوي، تۆگىلەرنى ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىشاتتى.
مانا بۇ ئىككى خىل قۇربانلىق تۈرىنى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىپ، ﴿وما ۇبچ ىلۈ النپب﴾ «بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بۇغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىندى». («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 3- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). دەيدۇ. ۋە سۈرە ئەنئامنىڭ 121- ئايىتىدە ﴿ولا تۆكلو مما لم يۇكر اسم اللھ ىليھ﴾ «ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكرى قىلىنماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار»، دەيدۇ.
4. بۇتلارغا يېقىنچىلىق ئىزھار قىلىش ئۇسۇللىرىدىن بىرى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىدىن خالىغانلىرىنى بۇتلىرىغا ئاتاپ ئايرىيتتى. شۇنىڭدەك دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن مەلۇم مىقدارنى ئاشۇ بۇتلىرىغا ئاتاپ ئايرىپ قوياتتى. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئۇلار بۇتلار ئۈچۈن ئاتاپ ئايرىغان نەرسىلەرنىڭ يەنە بىر قىسمىنى ئاللاھقا خاس دەپ قارايتتى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغان نېسىۋىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇۋېلىشقا تۈرلۈك باھانە سەۋەبلىرى بار ئىدى. لېكىن، بۇتلارنىڭ نېسىۋىسىدىن ئاللاھنىڭ نېسىۋىسىگە بىرنىمۇ قوشۇشقا بولمايتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وجىلوا للّھ مما ۇرء من الچرڭ ولانىام نپيبا فقالوا ھۇا للّھ بزىمھم و ھۇا لشركاېنا فما كان لشركاېھم فلا يپل الي اللھ وما كان للّھ فھو يپل الۈ شركاېھم ساء يچكمون﴾ تەرجىمىسى: «مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چاھارپايلاردىن (يەنى تۆگە، كالا قويلاردىن) ئاللاھ ئۈچۈن بىر ھەسسە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆز گۇمانلىرىچە (ھېچقانداق دەلىلسىزلا): «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ۋە بۇ مەئبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر»، دېدى. بۇتلىرىنىڭ نېسىۋىسىدىن ئاللاھنىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، ئاللاھنىڭ نېسىۋىسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى. (مۇشرىكلار ئاللاھقا ئاتىغان ھەسسىسىدىن بۇتلارغا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسى ئىچىدە قالدۇراتتى ۋە ئاللاھنى بۇنىڭغا مۇھتاج ئەمەس، دەيتتى. بۇتلىرىغا ئاتىغان ھەسسىسىدىن ئاللاھقا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى) ئۇلارنىڭ قارارى نېمىدېگەن قەبىھ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنئام 135- ئايەت).
5. بۇتلارغا قىلىنىدىغان ئىبادەت تۈرلىرىدىن يەنە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە چاھارپايلارنى نەزىر قىلىش ئادىتى. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وقالوا ھۇِھِ ۆنىام وچرڭ چِجر لاّ يطْىمھا إِلاّ من نشاء بِزىمِھِم وۆنىام چرّمت ئھورھا وۆنىام لا يۇكرون اسم اللّھِ ىليھا افتِراء ىليْھِ سيجْزِيھِم بِما كانواْ يفْترون﴾ «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىچە: ‹بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەئبۇدلىرىمىزغا خاس بولۇپ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر، بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا، ئاللاھنىڭ ئىسىمىنى ئېيتىشقا بولمايدۇ›، دېدى. ئۇلار ئاللاھقا يالغان چاپلىدى». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنئام 138- ئايەت).
6. ئەرەبلەرنىڭ بۇتلار ئۈچۈن ئىبادەت ، دەپ قىلىدىغان نەزىر-چىراغلىرىدىن يەنە بەھيرە، سائىبە، ۋەسىيلە ۋە ھام قاتارلىقلار بار. ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دېگەن: «بەھىرە دېگەن سائىبەنىڭ چىشى بوتىلىقى بولۇپ، تۆگە ئۇدا ئوننى چىشى توغۇپ، ئارىدا بىرنىمۇ ئەركەك تۇغمىسا، ئۇلار ئۇنى سائىبە (ئۆزىنى ئازاد قىلغۇچى) دەپ ئاتاپ ئىشتىن ئازاد قىلىپ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆگىنى مىنىشكە، يۇڭىنى قىرقىپ پايدىلىنىشقا ۋە ئۇنىڭ سۈتىنى مېھماندىن ئۆزگىلەرنىڭ سېغىپ ئىچىشىگە بولمايتتى. تۆگە مۇشۇ نامغا ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنىلا چىشى تۇغسا، ئۇنىڭ قۇلىقىنى يېرىپ، ئانىسى بىلەن قويۇۋېتىلەتتى. بۇنىمۇ ئانىسىغا ئوخشاش مىنىشكە، يۇڭىنى قىرقىشقا، سۈتىنى مېھماندىن ئۆزگىلەرنىڭ ئىچىشىگە بولمايتتى. مانا بۇ سائىبە (ئۆزىنى ئىشلەشتىن ئازاد قىلغان تۆگە)نىڭ كەنجى بوتىلىقى بەھىيرە (ئامىتى كەلگەن چىشى تۆگە)ئىدى.
ۋەسىيلە دېگەن ئۇدا ئوننى بەش قورساقتا قوش كېزەكلەپ ھەممىسىنى چىشى تۇغقان قوي بولۇپ، ئارىدا بىرنىمۇ ئەركەك تۇغمىسا، ئۇلار بۇ قوينى «ئۇلىدى»، دېگەن مەنىدە «ۋەسىيلە» دەپ ئاتايتتى. ئۇ قوينىڭ شۇنىڭدىن كېيىن تۇققان قوزىلىرىنى ئەرلىرىمىزگە خاستۇر، خوتۇنلىرىمىز يېيىشكە بولمايدۇ، دەيتتى. ناۋادا شۇنىڭدىن بىرەرسى ئۆزىچە ئۆلۈپ قالسا، ئۇنى ئەر-ئايال ئورتاق يېيىشكە بولاتتى.
ھام دېگەن نەسىللىك ئەركەك تۆگە بولۇپ، ئۇ قوغلىغان چىشى تۆگە ئۇدا ئوننى چىشى تۇغسا، ھېلىقى ئەركەك تۆگىنى ھام (ئۆزىنى ئىشتىن قوغدىغۇچى) دەپ ئاتىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى مىنىشكە، يۇڭىنى قىرقىشقا بولمايتتى. ئەمما، چاپتۇرۇپ پايدىلانسا بولاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿وما جىل اللھ من بچيرە ولا ساېبە ولا وپيلە ولا چام لا ولكن الۇين كفروا يفترون ىلۈ اللھ الكۇب ط و اكڭرھم لايىقلون﴾ «ئاللاھ بەھىيرە، سائىبە، ۋەسىيلە، ھاملارغا (يۇقىرىقىدەك قىلىشنى) بۇيرىغىنى يوق، (لېكىن كاپىرلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنىڭ يالغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 103- ئايەت). ﴿وقالو ما فۈ بطون ھۇھ الانىام خالپە لۇكورنا ومچرم ىلۈ ازواجناج وإن يكن ميتە فھم فيھ شركاء …﴾ «ئۇلار: ‹بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى بىزنىڭ ئەر كىشىلىرىمىزگە خاستۇر، بىزنىڭ خوتۇن كىشىلىرىمىزگە ھارامدۇر›، دېدى. ئەگەر توغۇلغان ھايۋان ئۆلۈك بولسا، بۇ ئەر كىشىلىرىمىز بىلەن خوتۇن كىشىلىرىمىز ئارىسىدا ئورتاقتۇر (يەنى ئۇنى ھەممەيلەن تەڭ يەيدۇ) دەپ (ھالال-ھارامنى تەيىنلەشتى) …». («قۇرئان كەرىم سۈرە ئەنئام 139- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
سەئەد ئىبنى سەييەپمۇ: «مەزكۇر خىلدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى بۇتلار ئۈچۈن ئاتىۋېتىلگەنىدى»، دەپ كۆرسەتتى. سەھىھ ھەدىستە، ئەمرى ئىبنى لۇھەي تۇنجى بولۇپ تۆگىلەرنى سائىبە (ئۆزىنى ئازاد قىلغۇچى) قىلىپ قويۇۋەتكەن كىشىدۇر، دېيىلگەن.
ئەرەبلەر بۇتلارغا قىلىدىغان يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بۇتلار بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، نامە-ئەمەللىرىمىزنى ئاللاھقا يەتكۈزىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت قىلىدۇ، دېگەن ئېتىقاد بىلەن قىلاتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وما نىبدھم الا ليقربونا الۈ اللھ زلفۈ﴾ «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنىشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر، دەيدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە زۇمەر 3- ئايەت). ﴿و يىبدون من دون اللھ ما لاينپرھم ولا ينفىھم ويقولون ھۋلاء شفىاءنا ىند اللھ﴾ «ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ. ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىدۇر دېيىشىدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە يۇنۇس 18- ئايەت).
ئەرەبلەر ئەزلام (ياچاقنىڭ تىغسىز ئوقى) بىلەن تەلىيىنى سىناپ كۆرەتتى. تەلەي سىناش ئەزلام (تىغسىز ئوق)لىرى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بىرىگە «نەئەم» (بولىدۇ)، يەنە بىرىگە «لا» (بولمايدۇ)، دەپ يېزىلغانىدى. ئۇلار سەپەرگە چىقىش، ئوغۇل-قىزلىرىنى ئۆيلەش دېگەندەك ئىشلىرىدا، شۇ ئوقلار بىلەن پال سېلىپ كۆرەتتى. ئەگەر «نەئەم» (بولىدۇ) چىقسا، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىغا راۋان بولاتتى. ناۋادا «لا» (بولمايدۇ) چىقسا ۋاقتىنچە توختاپ تۇرۇپ، كېيىن قايتا كېلىپ سىنايتتى.
ئۈچىنچى بىر خىلى سۇ، ئوتلاق ۋە دىيەت (خۇن تۆلىمى)لەر ئۈچۈن ئىدى. يەنە باشقا بىر خىلىغا «مىنكۇم» (سىزلەردىن) ياكى «مىن غەيرىكۇم» (سىلەردىن باشقىلاردىن) ۋە ياكى «مولىق» (چاپلىما) دەپ يېزىلغانىدى. ئۇلار قەبىلە ئىچىدە بىرەرسىنىڭ نەسىبىدىن گۇمانلىنىپ قالسا، ھۇبۇل دېگەن بۇتقا ئاتاپ يۈز تۆگە ئاپىرىپ، ئۇنى ئاشۇ بۇتنىڭ پالچىسىغا بېرەتتى. ئەگەر «منكم» (سىزلەردىن) چىقسا، ئۇ قەبىلە ئىچىدە ئوتتۇرا مەرتىۋىلىك كىشى بولاتتى. ئەگەر «من غيركم» (سىزلەرنىڭ غەيرىڭىزدىن) دېگەن خەت پۈتۈلگەن ئوق چىقسا، ئىتتىپاقداش بولاتتى. ناۋادا «مولسق» (چاپلىما) چىقسا قەبىلىدىكى ئەسلى ئورنىنى ساقلاپ قېلىپ، نەسىپى ۋەياكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بولمايتتى.
ئەرەبلەر يەنە چىراغچى كاھىنلارنىڭ، مۇنەججىم ئەررافلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئىشىنەتتى. كاھىن دېگىنىمىز، كەلگۈسىدە بولىدىغان كائىنات خەۋەرلىرىنى يەنە باشقا سىرلىق ئىشلارنىمۇ «بىلىمىز»، دەپ دەۋا قىلىدىغانلار ئىدى. مەزكۇر كاھىنلار ئىچىدىن غەيبى خەۋەرلەرنى جىن ئارقىلىق بىلىمەن دەيدىغانلىرى ۋە پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارى بىلەن غايىب دۇنيانى كۆزىتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ يۈرىدىغانلىرى، شۇنداقلا سورىماقچى بولغان سوئال، قىلماقچى بولغان ئىش ياكى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئەھۋاللارنى مەلۇم بېشارەت ۋە ئالدىن مەلۇماتلار بىلەن بىلەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغانلىرىمۇ بار ئىدى. مەسىلەن، ئوغرىلىق يۈز بەرگەن ئورۇن ۋە يۈتۈپ كەتكەن نەرسە دېگەندەكلەرنى بىلىمەن دەپ دەۋا قىلىدىغانلار ئەرراف دەپ ئاتىلاتتى.
