4-قىسىم: بەدر غازىتى، ئوھۇد جېڭى ۋە ئەھزاب (خەندەك) ئۇرۇشى
بەنى لىھيان غازىتى
بەنى لىھيان رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن ئون كىشىنى ئالداپ ئاپىرىپ رەجئە دېگەن جايدا ئۆلتۈرىلىشىگە سەۋەب بولغان قەبىلىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ھىجاز تەۋەلىكىنىڭ مەككىگە يېقىن چېتىگە جايلاشقان بولغاچقا ھەم مۇسۇلمانلار بىلەن قۇرەيش دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەم قاراقچى بەدەۋىلەر ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تىركىشىشلەر بولۇپ تۇرغاچقا، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ «بۇ چوڭ دۈشمەنگە يېقىن جايلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ھەربىي سىتيىراتىگىيە جەھەتتىن ياخشى ئەمەس»، دەپ قارىغاچقا، ئۇلار تاھازىرغا قەدەر ئىنتىقام تورىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى. بۇ قېتىم ئەھزاب قوشۇنى تۇمشۇقىغا يەپ چېكىنىپ، روھى چۈشكۈنلىشىپ، ئىرادىسى بوشاپ، ئەمەلىيەتكە تەن بېرىپ جاھاننىڭ رەپتارىغا بېقىپ ئىش تۇتقاندەك قىلىۋىدى. رەسۇلۇللاھ بەنى لىھيان خەلقىدىن رەجىئ دېگەن جايدا بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن ئەسھابىلىرىنىڭ قىساسىنى ئالىدىغان پۇرسەت يېتپ كەلدى دەپ قارىدى، شۇڭا ئۇ ھىجىرىينىڭ ئالتىنچى يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل (3- ئاي) ياكى جۇمادىيەل ئەۋۋەل (5- ئاي)لارنىڭ بىرىدە مۇسۇلمانلاردىن 200 كىشى بىلەن جىھادقا ئاتلاندى. ئۆز ئورنىدا مەدىنىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنى قالدۈردى. ئۇ مەدىنىدىن يولغا چىققاندا شام تەرەپكە يۈرۈش قىلغان بولۇپ شىمال تەرەپكە قاراپ يول ئېلىپ مەلۇم مۇساپىنى باسقاندىن كېيىن جەنۇپقا بۇرۇلۇپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ جىددىي يول يۈرۈپ ئەمەج بىلەن ئوسپان ئارىلىقىدىكى مەزكۇر ساھابىلەر شەھىد قىلىنغان جاي بەتنى غەررانغا يېتىپ باردى. رەسۇلۇللاھ ئۇ يەردە ساھابىلىرىگە رەھمەت تىلىدى ۋە دۇئا قىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بەنى لىھيان خەلقى تاغ-قىيالارغا ۋە چۆل-جىرالاغا قېچىپ كەتتى. ئۇلاردىن بىرمۇ ئادەم قولغا چۈشمىدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئىككى كۈن تۇرۇپ تەرەپ-تەرەپكە چارلىغۇچى، رازۋىتچىكلارنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىدى. شۇڭا ئۇ ئوسپان دېگەن جايغا يېتىپ بېرىپ ئۇ يەردە قۇرەيش دائىرلىرىغا ئۆزىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە ھەيۋەت-جاسارىتىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئون كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنىنى «كۇرا ئولغەمىم» دېگەن جايغا چارلاشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ۋەزىپىنى ئورۇنداپ قايتىپ كەلگەنىدىن كېيىن مەدىنىگە قايتتى. بۇ قېتىم رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىدىن ئايرىلغان ۋاقتى 14 كۈن بولدى.
قوشۇن ئەۋەتىش ۋە ھەربىي يۈرۈشلەرنىڭ تېزلىتىلىشى
رەسۇلۇللاھ بەنى لىھيان غازىتىدىن قايتىپ كەلگەنىدىن كېيىن قوشۇن ۋە پىدائىيلارنى ئەۋەتىش ئىشىنى تېزلەتتى. تۆۋەندىكى قۇرلار ئاشۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كىچىكلىتىلگەن تەسۋىرلىرىدۇر، نەزەر سالغايسىز!
1. ئوكاشە ئىبنى مېھسەن قوشۇنى: ھىجىرىيىنىڭ 6- يىلى رەبئولئەۋۋەل (3-ئاي) ياكى رەبىئوسسانى (4- ئاي)دا غومرى دېگەن جايغا ئەۋەتىلگەن.
ئوكاشە قىرىق ئادەم بىلەن(بەنى ئەسەدنىڭ سۈيى) غومرى دېگەن جايغا يېتىپ باردى. بۇ چاغدا دۈشمەن ئاللىبۇرۇن قېچىپ كەتكەنىدى شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار دۈشمەننىڭ ئىككى يۈز تۆگىسىنى غەنىمەت ئېلىپ مەدىنىگە قايتىپ كەلدى.
2. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە قوشۇنى: مۇشۇ ئىككى ئاينىڭ بىرىدە زىلقەسسە دېگەن جايغا ئەۋەتىلدى.
مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە مۇسۇلمانلاردىن ئون كىشى بىلەن يولغا چىقىپ بەنى سۆئلەبەنىڭ دىيارى زىلقەسسە دېگەن جايغا يېتىپ باردى بۇ چاغدا دۈشمەن تەرەپ مۆكۈنىۋالغانىدى، (ئۇلار يۈز كىشى ئىدى) ئىبنى مەسلمە قوشۇنى ئۇخلاپ قېلىۋىدى دۈشمەن باستۇرۇپ كېلىپ ئىبنى مەسلىمىدىن باشقا ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى ئىبنى مەسلمە ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ قېچىپ قۇتۇلدى.
3. ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ قوشۇنى: مۇشۇ يىلى يەنە رەبئوسسانى (4-ئاي)دا زىلقەسسىگە ئەۋەتىلدى.
رەسۇلۇللاھ ئۇنى مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنىڭ ئادەملىرى ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ يولغا سالغانىدى. ئەبۇ ئوبەيدە قىرىق كىشى بىلەن يولغا چىقىپ ئىبنى مەسلەمە قوشۇنى بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغان جايغا قاراپ ماڭدى، ئۇلار كېچىلەپ پىيادە يول يۈرۈپ تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ بەنى سۇئلەبە دىيارىغا يېتىپ باردى-دە شۇ ھامان ھۇجۇمنى باشلىۋەتتى دۈشمەن تاغ-قىرلارغا قېچىۋېلىپ قوشۇننى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار بىر ئادمنى ئەسىر ئالغان ئىدى، ئۇ مۇسۇلمان بولدى ۋە نۇرغۇن قوي-چارۋىلارنى غەنىمەت ئېلىپ قايتىپ كەلدى.
4. زەيىد ئىبنى ھارىسە قوشۇنى: ھىجىرىيىنىڭ 6- يىلى رەبىئولسانى (4-ئاي)دا جەمۇمغا ئەۋەتىلدى.
زەيىد جەمۇمغا يېتىپ بېرىپ مۇزەينە قەبىلىسىدىن ھەلىمە ئىسىملىك بىر ئايالنى تۇتۇۋالغان ئىدى، بۇ ئايال ئۇلارنى بەنى سۇلەيمىنىڭ ئادەملىرى بار جايغا باشلاپ باردى، ئۇ يەردە مۇسۇلمانلار نۇرغۇن تۆگە، قوي-چارۋىلارنى ۋە ئەسىر-ئولجىلارنى قولغا چۈشۈردى، زەيد غەنىمەت ئالغان ماللارنى ھەيدەپ مەدىنىگە قايتىپ كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ھېلىقى مۇزەينىلىك ئايالغا ئۆزىنىڭ ۋە ئىرىنىڭ ھۆرلىكىنى ئىلتىپات قىلدى.
5. يەنە زەيد ئىبنى ھارس قوشۇنى: ھىجىرىيىنىڭ 6- يىلى جەمادىيەلئولا (5-ئاي)دا بىر يۈز يەتمىش كىشى بىلەن ئىيىس دېگەن جايغا قۇرەيشلەرنىڭ تىجارەت كارۋىنىنى توسۇشقا ئەۋەتىلدى.
بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە قۇرەيش تەرەپنىڭ كارۋاندىكى تىجارەت سەرمايىسى پۈتۈنلەي ئولجا ئېلىندى، رەسۇلۇللاھنىڭ كۈيئوغلى ئەبۇلئاس كارۋاننىڭ باش مەسئۇلى ئىدى، ئۇ كارۋاننىڭ مەدىنە تەرەپنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى پەملەپلا قېچىپ ئاستاغىنە مەدىنىگە كېلىپ زەينەبتىن پاناھلىق تىلىگەن ۋە ئۇنىڭدىن كارۋان ماللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى رەسۇلۇللاھدىن ئىلتىماس قىلىپ بىرىشنى ئوتۈنگەن، زەينەب ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلغانىدى، رەسۇلۇللاھ مۇھاجىرلارغا كارۋان ماللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەكلىپ بەردى. ئەمما مەجبۇرلىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قوللىرىدىكى (ئۆلەشتۈرۈپ بىرىلگەن) ئاز-كۆپ، چوڭ-كىچىك ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەردى. ئەبۇلئاس بۇ ماللار بىلەن مەككىگە قايتىپ بېرىپ ئامانەتنى ئۆز ئىگىلىرىگە تەگكۈزۈپ بەرگەنىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە شۇ ھامان مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلدى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغا(قىزى) زەينەبنى ئۈچ يېرىم يىلدەك ۋاقىتتىن كېيىن بۇرۇنقى نىكاھى بىلەن قېتىپ قويدى.
سەھىھ ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئەبۇلئاسقا بۇرۇنقى نىكاسى بىلەن قېتىپ قويغان» دېيىلگەن، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كاپىر ئەرلەرگە ھارام قىلىنغانلىقى(بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىدىكى نىكاھ ئاجراپ كېتىدىغانلىقى-ت) توغرىسىدىكى ئايەت تېخى نازىل بولمىغانىدى. ئەمما رەسۇلۇللاھ ئۇنى يېڭى نىكاھ بىلەن قېتىپ قويغان ياكى ئۈچ يېرىم يىلدىن كېيىن ئەمەس، بەلكى ئالتە يىلدىن كېيىن بۇرۇنقى نىكاھ بىلەنلا قېتىپ قويغان» دېگەن ھەدىسلەر سەھىھ ئەمەس شۇنداقلا سەنەد (مەنبە)جەھەتتىمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەستۇر. بۇنداق زەئىپ (سەنەدى ئاجىز) ھەدىسلارغا يۆلىنىۋالىدىغانلارنىڭ ئەجەپلىنەرلىك يېرى شۇكى: «ئۇلار ئەبۇلئاسنى ھىجىرىيىنىڭ 8 - يىلى يىل ئاخىرلىرىدا مەككە ئىشغالىيتىدىن سەل ئىلگىرىراق مۇسۇلمان بولغان دېيىشىدۇ، ئاندىن بۇ گېپىنى يەنە بۇزۇپ: «زەينەب ھىجىرىيىنىڭ 8- يىلى يىل بېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن» دېيىشىدۇ. بىز بۇ ھەقتە «بۇلۇغۇلمەرام» دېگەن كىتابقا يازغان ئىزاھات ۋە ئوبزورىمىزدا كەڭ كۇشادە توختالغانىدۇق بۇ يەردە تەكرارلاپ ئولتۇرمايمىز.
تېخى تارىخچى مۇسا ئىبنى ئوقبە بۇ ۋەقە ئەبۇ بەسىر ۋە ئۇنىڭ پارتىزان ھەمراھلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان دېگەنلەرمۇ بار، لېكىن بۇ قاراش مەيلى سەھىھ (سەنەدى كۈچلۈك ئىشەنچىلىك) مەيلى زەئىف (سەنەدى ئاجىز) ھەدىسقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
6. يەنىلا زەيد ئىبنى ھارس قوشۇنى: «ھىجىرىينىڭ 6- يىلى جەمادىيەلئاخىر(6- ئاي)دا تەرەف(مۇ؟) ياكى تەرەق(مۇ؟) دېگەن جايغا ئەۋەتىلدى.
زەيد ئىبنى ھارس 15 ئادەم بىلەن ئاتلىنىپ بەنى سۆئلەبە دىيارىغا يېتىپ بارغاندا بۇ يەردىكى بەدۋىلەر بەدەر تىكىۋەتتى، ئۇلار رەسۇلۇللاھ ئۆزى قوشۇن تارتىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قورقۇشۇپ كەتكەن ئىدى. نەتىجىدە زەيىد ئىبنى ھارس ئۇلارنىڭ 20 تۆگىسىنى غەنىمەت ئېلىپ تۆت كۈندىن كېيىن قايتىپ كەلدى.
7. يەنىلا زەيىد ئىبنى ھارس قوشۇنى: ھىجىرىينىڭ ئالتىنچى يىلى رەجەپ ئېيى(7-ئاي)دا ۋادىقوراغا ئەۋەتىلگەن.
زەيىد 12 ئادەم بىلەن ۋادلقوراغا دۈشمەننىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى. ئۇلار ئاتلىنىپ ۋادىقۇراغا يېتىپ بارغاندا ۋادىقورا ئاھالىسى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ توققۇز كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى ئۈچ كىشى قېچىپ قۇتۇلىۋالدى، ئۇلارنىڭ بىرسى زەيد ئىبنى ھارس ئىدى.
8. خەبتى قوشۇنى(بەزىلەر بۇ قوشۇنىنى ھىجىرىيىنىڭ 8- يىلى رەجەپ ئېيىدا ئەۋەتىلگەن دېيىشىدۇ، لېكىن قوشۇنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇ قوشۇننىڭ چوقۇم ھۇدەيبىيە ۋەقەسى (يەنى ھىجىرىينىڭ 6- يىلى يىل ئاخىرى)دىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ).
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنى رەسۇلۇللاھ ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن قۇرەيشلەرنىڭ كارۋىنىنى توسۇشقا ئەۋەتتى ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ بەلگىلىدى، يول ئۈستىدە ئېغىر ئاچارچىلىققا يولۇقۇپ ھەتتا خەبتى دەرىخىنىڭ ياپراقلىرىنى يېيىشكە مەجبۇر بولدۇق،شۇڭا بۇ يۈرۈش خەبتى يۈرۈشى دەپ ئاتالدى، بىر كىشى ئۈچ تۆگە سويۇپ قوشۇننى ئۇزۇقلاندۇردى، ئاندىن يەنە ئۈچنى سويدى، ئارقىدىن يەنە ئۈچنى سويدى ئاندىن يەنە سويماقچى بولۇۋىدى ئەبۇ ئوبەيدە ئۇنى قويمىدى، شۇ ئارىدا بىز دېڭىز بويىدىن ئەنبەر دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۇ ھايۋىنىنى ئۇچرىتىپ ئۇنىڭدىن يېرىم ئايدەك يېدۇق ۋە ياغلاندۇق، ھەتتا ئەتلىرىمىز مايلىشپ سەمىرىپ قالدۇق، ئەبۇ ئوبەيدە ئۇ ھايۋاننىڭ ئەگرى قوۋۇرغىسىدىن بىرىنىڭ ئىككى بېشىنى كۆمۈپ تۇرغۇزۇپ قوشۇن ئىچىدە بويى ئېگىز ئادەمنى تاللاپ تۆگىگە مىندۈرۈپ ھېلىقى قۇۋۇرغا ئاستىدىن ئوتكۈزۈپ كۆردى، قايتىشتا ئۇنىڭ گۆشلىرىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىۋالدۇق، مەدىنىگە قايتىپ كېلىۋىدۇق رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرسەك: «ئۇ(ئەنبەر) ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن چىقىرىپ بەرگەن رىزىق ئىكەن، سىلەردە ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە بارمۇ بىزگىمۇ بېرىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز رەسۇلۇللاھقا ئۇ گۆشتىن ئەۋەتىپ بەردۇق».
يۇقىرىدىكى «ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن قارىغاندا مەزكۇر قوشۇننىڭ ھۇدەيبىيە ۋەقەسىدىن بۇرۇن ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم، چۈنكى مۇسۇلمانلار ھۇدەيبىيە ۋەقەسىدىن كېيىن(يەنى ھۈدەيبىيە ئەھدىنامىسى ئىمزالانغاندىن كېيىن) قۇرەيش تەرەپنىڭ ھەر قانداق كارۋىنغا چېقىلىشقا ئۇرۇنمىغان.
بەنى مۇستەلەق غازىتى
ھىجىرىينىڭ 6- يىلى شەئبان
بۇ غازات گەرچە دائىرىسى كەڭ، ئۇرۇش مۇشەققىتى ئېغىر، ھەربىي جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرىلىشى كەڭ كۆلەملىك چوڭ غازات بولمىسىمۇ لېكىن بۇ غازات مۇسۇلمانلار جەمىئىيتىدە داۋالغۇش ۋە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغان مۇناپىقلارنىڭ شەرمەندىلەرچە رەسۋالىقنى ئاشكارىلاپ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە ئالىي جاناپ پەزىلەت، كىشىلىك قەدرى-قىممەت ۋە ئاقكۆڭۈللۈكتىن ئىبارەت ئالاھىدە خىسلەت ئاتا قىلغان ھەمدە تەئزىر (جىنايى ئىشلار چارىسى)نىڭ يولغا قويۇلىشىغا سەۋەب بولغان ۋەقەلىكى جىددىي پەۋقۇلاددە ئەھمىيەتلىك غازاتتۇر.
بىز ئاۋۋال غازاتنى قوزغاشنىڭ سەۋەبى ۋە تەپسىلىي جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن غازاتتا يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەرگە يۈرۈش قىلىمىز.
غازاتنى قوزغاشنىڭ سەۋەبى بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ھارس ئىبنى زىرارنىڭ پۈتۈن قەبىلىدىكىلەرنى شۇنىڭدەك باشقا قېرىنداش قەبىلىلەردىن ئۇنى قوللايدىغانلارنى بىرلەشتۈرۈپ مەدىنىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر رەسۇلۇللاھقا ئاڭلاندى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ بۇ خەۋەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بۇرەيدە ئىبنى ھەسىپ ئەسلەمىينى ئەۋەتتى، بۇرەيدە ئۇ يەرگە بېرىپ ھارس ئىبنى زىرار بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا مەلۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ بەنى مۇستەلەق خەلقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەنلىكىنى جەزم قىلغاندىن كېيىن ساھابىلەرگە جىددىي ئۇرۇش چاقىرىقى چىقىرىپ مۇشۇ ئاي(شەئبان)نىڭ 2- كۈنى مەدىنىدىن يولغا چىقتى بۇ قېتىم بۇرۇنقى غازاتلارغا قاتناشمىغان بىر بۆلۈك مۇناپىقلارمۇ چىققانىدى، مەدىنىدە ئۆز ئورنىدا زەيىد ئىبنى ھارسنى قالدۇردى. يەنە بىر سۆزدە ئەبۇ زەرنى ئۈچىنچى بىر سۆزدە سۇمەيلە ئىبنى ئابدۇللاھنى قالدۇرغان» دېيىلگەن.
مۇشۇ ئەسنادا ھارس ئىبنى زىرار مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەش ئۈچۈن بىر جاسۇسنى پايلاقچىلىققا ئەۋەتكەن ئىكەن. مۇسۇلمانلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ جەھەننەمگە يولغا سېلىۋەتتى. ھارس ئىبنى زىرار ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى رەسۇلۇللاھنىڭ قوشۇن تارتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلۇققا ئەۋەتكەن ئادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق ساراسىمگە چۈشتى، ئەتراپتىكى قەبىلىلەردىن توپلانغان ياللانما قوشۇننىڭ ئەزالىرى بىر-بىرلەپ تاراپ كېتىشىتى. رەسۇلۇللاھ مۇرەيىسئ دېگەن جايغا يېتىپ بېرىۋىدى دۈشمەن جەڭگىۋار ھالەتكە ئۆتۇپ ئۇرۇشقا تەييارلاندى، شۇڭا رەسۇلۇللاھمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىنى تۈزۈپ ئۇرۇشقا تەييارلاندى. مۇھاجىر مۇسۇلمانلارنىڭ ئەلىمى ئەبى بەكرىگە ئەنسارلارنىڭ ئەلىمى سەئەد ئىبنى ئوبادىگە تۇتقۇزۇلدى، ئىككى تەرەپ بىردەم ئوق ئېتىشىپ بىر-بىرىگە ھەيۋە كۆرسىتىشتى ئارقىدىن مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭلا ھۇجۇم قىلىپ ئۈستۈنلۇكنى ئىگەللىدى، مۇشرىكلار مەغلۇپ بولۇپ نۇرغۇن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالدى، رەسۇلۇللاھ نۇرغۇنلىغان ئاياللار، بالىلار، تۆگە ۋە قويلارنى غەنىمەت ئالدى. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار تەرەپتىن پەقەت بىرلا كىشى شەھىد بولۇپ كەتتى، ئۇنى ئەنسارلاردىن بىرسى دۈشمەننىڭ ئادىمى دەپ ئويلاپ ئۆلتۈرۈپ قويغانىدى. يۇقىرىقىلار تارىخشۇناسلارنىڭ ئېيتقانلىرىدۇر، ئەمما ئىبنى قەييۇمنىڭ ئېيتىقىندا يۇقىرىدا باياندا خاتالىق بار، دېيىلگەن. چۈنكى، بۇ غازاتتا ئۆلۈش-ئۆلتۈرۈلۇش بولمىغان ، رەسۇلۇلاھ ئۇلارغا بىر سۇ بۇيىدا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپلا خوتۇن-بالا چاقىلىرىنى ۋە مال-مۇلۇك قوي-كالىلىرىنى غەنىمەت ئالغان. سەھىھ ھەدىستىمۇ: «رەسۇلۇللاھ بەنى مۇستەلەق خەلقىگە ئۇلار تۇيماي قالغاندا ھۇجۇم قوزغىدى» دېيىلگەن دەيدۇ.
ئەسىرلەر ئىچىدە بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ھارس ئىبنى زىرارنىڭ قىزى جۇۋەيرىيەمۇ بار بولۇپ ئۇ سابىت ئىبنى قەيىسكە تەقسىم بولغانىدى، سابىت ئۇنىڭ بىلەن تۆلەم تۆلەپ قۇتۇلۇشقا خەت-چەك پۇتۇشتى رەسۇلۇللاھ بۇنى ئۇقۇپ ئۇنىڭ زىممىسىدىكى تۆلەمنى ئادا قىلىپ ئۇنى ئەمرىگە ئالدى، بۇ نىكاھتىن كېيىن مۇسۇلمانلار: «بەنى مۇستەلەق خەلقىنى رەسۇلۇللاھنىڭ قەينىئانا-قەينىئاتا، قۇدا-باجىلىرى دېيىشىپ مۇسۇلمان بولغان يۈز ئائىلىلىك كىشىنى ئازات قىلىۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن جوۋەيرىىيە ئۆز خەلقىگە نىسبەتەن ئەڭ بەرىكەتلىك ئايال بولۇپ قالدى.
خوش… ئەمدى بىز بۇ غازاتتا يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەرگە كېلىدىغان بولساق يەنىلا بۇ ۋەقەلەرنىڭ باش قوزغاتقۇچى؛ نىفاقنىڭ خېمىر تۇرۇچى ۋە مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ۋە ئۇنىڭ قولچۇماقچى شايكىلىرى بولغاچقا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيتىدە پەيدا قىلغان قۇتراتقۇلۇق ۋە ئىغۋاگەرچىلىك جىنايى ھەرىكەتلەرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
مۇناپىقلارنىڭ بەنى مۇستەلەق غازىتىدىن ئىلگىرىكى مەيدانلاردا ئوينىغان رولى
ئالدىنقى بابلاردا بىز مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا قاتتىق ئۆچمەنلىك ساقلاپ كېلىۋاتاتتى، بولۇپمۇ رەسۇلۇللاھقا قارىتا گىنە-ئاداۋەت ئوتىدا لاۋۇلداپ كۆيەتتى، چۈنكى مەدىنە تەۋەسىدىكى ئەۋس، خەزرەج ئەرەبلىرى ئۇنى ئۆزلىرىگە ئالىي ھوقۇقلۇق شاھىنشاھ قىلماقچى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭغا پادىشالىق تاج كېيگۈزۈش ئۈچۈن ئۇنچە-مەرۋايىت توپلاۋاتقان بىر پەيتتە مەدىنىگە ئىسلام دىنى كىرىپ خەلقنىڭ كۆزىنى ئاچقان ۋە ئىسلام بايرىقى ئاستىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇنى بولغۇسى شاھلىقتىن مەھرۇم قىلغان. شۇڭا ئۇ پەيغەمەر ئەلەيـھىسسالامنى: «مېنىڭ بولغۇسى شاھلىق ھوقۇقۇمنى تارتىۋالدى» دەپ قاراپ ئۇنىڭغا يوشۇرۇن ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈرەتتى دېگەننى بىر قانچە يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدۇق.
ئۇنىڭ بۇ خىل ئۆچمەنلىك سۇيىقەستى ۋە گينە-ئاداۋەت زەھەرخەندىلىكى ئۇ يالغاندىن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلاشنىڭ ئالدى-كەينىلىرىدە خېلى كۆپ يەردە ئاشكارە بولۇپ قالغاندى. بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ ياۋىداق ئېشەككە مىنىپ سەئەد ئىبنى ئوبادىينىڭ كېسلىنى كۆرگىلى كېتىۋېتىپ، يول ئۈستىدە بىر سورۇندىن ئۆتتى، ئۇ سورۇندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيمۇ بار ئىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپلا چاپىنىنىڭ پىشى بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى ئېتىپ: «بىزگە ئازار بەرمەڭلار» دېدى. رەسۇلۇللاھ توختاپ مەجلىس ئەھلىگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بىرىۋىدى ئابدۇللا يەنە بىلجىرلاپ: «سەن بىزنىڭ سورۇنلىرىمىزغا بۇنداق بېسىپ كەلمەي ئۆيۈڭدە ئولتۈرۈپ بۇ گېپىڭنى قېشىڭغا بارغانلارغا ئېيتىپ بەرگىن» دېدى.
مانا بۇ ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي مۇناپىقنىڭ(يالغانلاردىن) مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئىزھار قىلىشنىڭ ئالدىدىكى قىلمىشلى ئىدى. ئەمما ئۇ بەدرى ئۇرۇشىدىن كېيىن كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ يەنىلا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىن مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىشتا قىلچە بوشاشمىدى، ئۇ داۋاملىق مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنى پارچىلاش ۋە ئىسلام كەلىمىسىنى خۇنۇكلاشتۇرۇشنىلا ئويلايتتى. ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەن دوس تارتىپ ئۇلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشاتتى. ئىلگىرىكى باپلاردا بايان قىلغىنىمىزدەك ئۇ بەنى قەينۇقا يەھۇدىيلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىغىمۇ چاتكېرىۋالدى، شۇنىڭدەك يەنە ئوھۇد غازىتىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئىدىيىۋىي داۋالغۇش ۋە تەپرىقچىلىق سېلىپ ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ھەربىي سېپىنى پارچىلاش ئۈچۈن قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى.
بۇ مۇناپىق قاتتىق ھىيلىگەر، ئالدامچىلىقىدىن ئۇ يالغاندىن مۇسۇلمان بولغاننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپلا مەسچىت نەبەۋىنىڭ مىھراپتىلا ئولتۈرىۋالىدىغان بولدى، رەسۇلۇللاھ ھەر جۇمە خۇتبىگە چىقىپ مۇنبەردە ئولتۇرسا ئۇ مۇنبەرنىڭ يېنىغا بېرىپ: «خالايىق! مانا بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيـھى ۋەسەللەم كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ھۆرمەتلىدى ۋە ئۇلۇغلىدى، شۇڭا ئۇنى قوللاڭلار! ئۇ ھازىر سىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ بېرىدۇ ئوبدان ئاڭلاپ ئىتائەت قىلىڭلار» دەپ قۇيۇپ ئاندىن ئولتۇراتتى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئېسىل ئەخلاقى بىرەر ئادەمنى كىشىلەر ئارىسىدا خىجىل قىلمايدىغان بولغاچقا ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى.
بۇ مۇناپىقنىڭ ئەڭ شەرمەندە يېرى شۇ يەردىكى ئۇ ئوھۇد غازىتىدىن كېيىنكى ھەپتىسىدىكى جۇمەدە(ئالدىنقى ھەپتىسى تېخى مۇسۇلمانلارغا خائىنلىق قىلىپ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن تۇرۇقلۇق) ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە گېلىنى قېقىپ بۇرۇنقى قېلىپلاشقان سۆزلىرىنى دېمەكچى بولغانىدى، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ پىشىنى تارتىپ: «ئۆلتۇر! خۇدانىڭ دۇشمىنى ئۇلتۇر! سەن بۇ يەردە تۇرۇپ سۆز قىلىشقا لايىق ئەمەس ئۆتكەن ھەپتە نېمىلەرنى قىلمىدىڭ؟» دېگەنىدى، ئۇ ئۆرۈلگىنىچە كىشىلەرنىڭ گەجگىسىدىن ئاتلاپ چىقىپ كېتىۋېتىپ: «ئەزبىرايى خۇدا گويا مەن خاتا گەپ قىلىدىغاندەك … مەن تېخى ئۇنىڭ گېپىنى قوللاۋاتسام …» دەپ كۆپچىلىككە كۆزلىرىدىن زەھەر ياغدۇرۇپ ھومىيىپ چىقىپ كەتتى. ئەنسارلاردىن بىر كىشى ئۇنىڭغا مەسچىت دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇچراپ: «ھەي سېنى بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ كەينىڭگە يانغىن، رەسۇللاھ ساڭا ئىستىغفار تىلسۇن» دېگەنىدى ئۇ: «ماڭا ئۇنىڭ ئىستىغفارىنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ قويۇپ كەينىگىمۇ قارىماي كېتىپ قالدى.
ئۇنىڭ يەنە بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرى بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ ناھايىتى قويۇق باردى-كەلدىسى بار بولۇپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلار مۇھاسىرىگە ئالغان كۈنى ئۇ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ: «ئەگەر(يۇرتۇڭلاردىن) چىقىرىلساڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە چىقىپ كېتىمىز. سىلەرگە ئۇرۇش ئىچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم قىلىمىز» دېدى.
شۇنىڭدەك يەنە ئەھزاب(قەبىلە بىرلەشمىسى) ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيۋە ئۇنىڭ شايكىلىرى مۇئمىنلەر ئارىسىغا زىدىيەت ۋە پىتنە-پاساد ئۇرۇغىنى چېچىش ۋە ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە تاشلاشتەك ئېغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرى بىلەن شوغۇللاندى. بۇ ھەقتە ئاللاھ سۈرە ئەھزابتا مۇنداق بايانلارنى بىرىدۇ: ﴿وَإِۇْ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالَّۇِينَ فِي قُلُوبِھِم مَّرَگٌ مَّا وَىَدَنَا اللَّھُ وَرَسُولُھُ إِلَّا غُرُورًا (12) وَإِۇْ قَالَت طَّاېِفَەٌ مِّنْھُمْ يَا ۆَھْلَ يَڭْرِبَ لَا مُقَامَ لَكُمْ فَارْجِىُوا وَيَسْتَۆْۇِنُ فَرِيقٌ مِّنْھُمُ النَّبِيَّ يَقُولُونَ إِنَّ بُيُوتَنَا ىَوْرَەٌ وَمَا ھِيَ بِىَوْرَەٍ إِن يُرِيدُونَ إِلَّا فِرَارًا (13)﴾ ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلار:« اللھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن» دېيىشەتتى﴿12﴾.ئەينى ۋاقىتتا ئۇلاردىن بىر گورۇھ ئادەم :« ئى يەسرەبلىكلەر! بۇ يەردە تۇرماي قايتىڭلار! » دېيىشەتتى، ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم:« بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوچۇقچىلىقتا » دېيىشىپ، پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورىشاتتى،بۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئوچۇقچىلىقتا ئەمەس، ئۇلار پەقەت قېچىشنىلا ئويلايدۇ» (سۈرە ئەھزاب 12-13- ئايەت) دېگەن ئايەتتىن تاكى ﴿يَچْسَبُونَ الْۆَچْزَابَ لَمْ يَۇْھَبُوا وَإِن يَۆْتِ الْۆَچْزَابُ يَوَدُّوا لَوْ ۆَنَّھُم بَادُونَ فِي الْۆَىْرَابِ يَسْۆَلُونَ ىَنْ ۆَنبَاېِكُمْ وَلَوْ كَانُوا فِيكُم مَّا قَاتَلُوا إِلَّا قَلِيلًا ﴾ «ئەگەر ئىتتىپاقداش قوشۇن قايتا كەلسە،ئۇلار(قىردا)ئەئىرابىلارنىڭ (يەنى قىر ئەرەبلىرىنىڭ)يېنىدا تۇرۇپ سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى ئۇققاچ (تىنچ يېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار (ئۇرۇش ۋاقتىدا) ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، (قورققانلىقتىن) جەڭگە (رىيا قىلىپ) ئاندا-ساندا قاتناشقان بولاتتى» (سۈرە ئەھزاب 20- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەتلەرگىچە بولغان ئارىلىقتا بايان قىلىنغان ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ ئەمەلىيتى ئىدى.
لېكىن، يەھۇدىيلار، مۇناپىقلار ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر دائىرسىنىڭ بۇنداق تېز كېڭىيىپ بۇ تەۋەلىكتە ئاسانلا ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىپ قىلىشى ھەرگىز ئۇنىڭ ماددىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكى، قورال-ياراقلىرىنىڭ سەرخىللىقى ۋە قوشۇنىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنىڭ كۆپ ھەم ئىلغار بولغانلىقىدا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىكى بىردىن-بىر سەۋەب ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى، تەشەببۇسى، بۇ دىننىڭ مەقسىتى، شۇنداقلا بۇ دىندىكى ئۆزگىچە خىسلەت، ئارتۇقچىلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇبدان بىلەتتى.
ئۇلار يەنە ئىسلام دىنىدىكى بۇ ئارتۇقچىلىقلارنىڭ باش مەنبىئى ۋە ئاشۇ گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتىكى (ئەڭ ئالىي) ئۈلگىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىكەنلىكىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى، بولۇپمۇ ئۇلار ئۆتكەن بەش يىل مابەينىدىكى جەڭ مەيدانلىرىنى بىر قۇر ئەسلىگەنىدىن كېيىن بۇ دىننى ۋە ئۇنىڭ ئىتىقادچىلىرىنى قورال كۈچى ئارقىلىق يوقۇتۇشنىڭ قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى-دە، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاشۇ مەقسىتى ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋ ئۆرپ-ئادەت ئەنئەنىلىرىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ بۇ دىنغا قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات، ئىدىئولوگىيە(سىياسى) ئۇرۇشى قوزغاشنى ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئۇبيېكتىنى يەنىلا رەسۇلۇللاھ ئەلەيـھىسسالامنىڭ شەخسىيتى قىلىشنى قارار قىلىشتى، مۇناپىقلار مۇسۇلمانلار سېپىدە بولغانلىقى، بولۇپمۇ مەدىنىگە يەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن مۇئمىن-مۇسۇلمانلار بىلەن كەڭ-كۇشادە، بىمالال ئارىلىشالايتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغاپ ئېغۋا تارقىتالايتتى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر تەتۈر تەشۋىقات ئۇرۇشى ھەرىكىتى ۋەزىپىسىنى مۇشۇ مۇناپىقلار ئۈستىگە ئالدى ئۇلارنىڭ باش مەسئۇلى يەنىلا ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ئىدى.
شۇنداق … دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بۇ پىلانى ئەھزاب غازىتىدىن كېيىن مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى زەينەب بىنتى جەھىش( بۇرۇنقى ئېرى) زەيد ئىبنى ھارس(رەسۇلۇللاھنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى)دىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇنى نىكاھىغا ئالغاندا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەندى. ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە باقما ئوغۇلنى نەسلى ئوغۇل بىلەن ئوپ-ئوخشاش دەپ قارايتتى، شۇڭا باقما ئوغۇلنىڭ نىكاھىغا ئېلىپ قويۇۋەتكەن خوتۇنىمۇ بېقىۋالغۇچى كىشى ئۈچۈن قەتئىي ھارام ئىدى، رەسۇلۇللاھ زەينەب بىنتى جەھشىنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن نىكاھىغا ئېلىۋېدى، مۇناپىقلار رەسۇلۇللاھ ئۈستىدىن پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ ئۇنىڭ خەلقى ئالەم ئالدىدىكى يۈزىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق ئىككى ئىشنى دەستەك قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقتى.
1. رەسۇللاھنىڭ بۇ ئايالى زەينەب! ئۇنىڭ بەشىنچى خوتۇنى بولۇپ قالدى ۋەھالەنكى قۇرئان كەرىم بىر ئەر تۆتتىن زىيادە خوتۇنلۇق بولۇشقا رۇخسەت قىلمىغان تۇرسا ئۇنىڭغا قانداقسىگە بەش خوتۇنلۇق بولۇش دۇرۇس بولۇپ قاپتۇ؟
2. زەينەب بىنتى جەھىش ئۇنىڭ(بېقىۋالغان) ئوغلىنىڭ نىكاھىغا ئېلىپ قويۇۋەتكەن خوتۇنى تۇرسا (بىز) ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئورپ-ئادىتىمىز بويىچە ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلىنىش ئەڭ قەبىھ گۇناھى كەبىرە ئەمەسمۇ؟
ئۇلار بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتۇر تەشۋىقاتلارنى ۋە سۆز-چۆچەكلەرنى توقۇپ: «مۇھەممەد(رەسۇلۇللاھ ئەلەيـھىسسالام) زەينەبنى ئۇ دىققەتسىز تۇرغان ھالىتىدە كۆرۈپ قېلىپ ئۇنىڭ نازاكەتلىك گۈزەل قامىتى ۋە ھۆسنى جامالىدىن خۇدىنى يوقىتىپ ئۇنىڭغا ئاشىقى بىقارار بولۇپ قاپتۇ. قەلبى بىتاب ۋە تاقىتى تاق بولۇپ كېتىپتۇ ئۇنىڭ (بېقىۋالغان) ئوغلى زەيىد ئىبنى ھارس بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ئاتىسى ئۈچۈن ئايالىدىن چۈشۈپ بېرىپتۇ»، دېگەندەك رەزىل ئەپسانىنى ئويدۇرۇپ تارقاتتى، ئۇلار بۇ ئويدۇرما ئەپسانىسىنى شۇ دەرىجىدە كۈچەپ تارقاتقاچقا بۇ تەشۋىقات بەزى ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا خېلى مەھكەم سىڭىپ، قىسمەن تەپسىر ۋە ھەدىس كىتابلىرىدا تا ھازىرقى دەۋرىمىزگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە ئاخىرى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ كىشىلەرنىڭ دىللىرىدىكى شەك-شۈبھى كېسەللىرىنى داۋالايدىغان شىپالىق رېتسىپلارنى بايان قىلدى.
ئاللاھ بۇ خىل پىتنە ئىىغۋا سۆز-چۆچەكلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ دائىرىدە تارقالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ سۈرە ئەھزابنى تۆۋەندىكى سۆزى ﴿يَا ۆَيُّھَا النَّبِيُّ اتَّقِ اللَّھَ وَلَا تُطِىِ الْكَافِرِينَ وَالْمُنَافِقِينَ إِنَّ اللَّھَ كَانَ ىَلِيمًا چَكِيمًا﴾ «ئى پەيغەمبەر!اللھ غا تەقۋادارلىق قىلىشنى (داۋاملاشتۇرغىن)،كافىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، اللھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر،(ئۇلار نىڭ ئىشلىرىنى)ھېكمەت بىلەن باشقۇرغۇچىدۇر» (سۈرە ئەھزاب 1- ئايەت) بىلەن باشلىدى.
خوش… يۇقىرىقىلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىككى يۈزلىمىچى خائىن، مۇناپىقلارنىڭ بەنى مۇستەلەق غازىتىدىن كېيىنكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ يەڭگىللىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ يولسىزلىقلارنىڭ ھەممىسىىگە سەبر ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئۆتكۈزۈۋېتىپ كەلگەنىدى، كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىمۇ بۇلارنىڭ شەررىدىن ھامان پەخەس تۇراتتى ياكى چىشىنى چىشلەپ ئۆزىنى بېسىۋالاتتى. چۈنكى بۇ مۇناپىقلار ئاللاھنىڭ تۆۋەنىدىكى كالامى ﴿اولا يرون انھم يفتنون فۈ كل ىام مرە او مرّتين ڭم لا يتوبون ولاھم يۇّكّرون﴾ «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇلار توغرىسىدا ۋەھيى نازىل بولۇپ، سىرلىرىنىڭ پاش قىلىنىدىغانلىقىنى) بىلمەمدۇ؟ ئاندىن ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ (يەنى نىفاقتىن قايتمايدۇ). ئىبرەتمۇ ئالمايدۇ» (سۈرە تەۋبە 126- ئايەت)نىڭ مەزمۇنى بويىچە ھەممىگە مەلۇملۇق مۇناپىقلاردىن بولۇپ كەتكەنىدى.
مۇناپىقلارنىڭ بەنى مۇستەلەق غازىتىدا ئوينىغان رولى
بەنى مۇستەلەق غازىتى يۈرۈشىدە مۇناپىقلار ئاللاھ ئېيتقاندەك ﴿َوَلو خَرَجُواْ فِيكُم مَّا زَادُوكُمْ إِلاَّ خَبَالاً ولۆَوْگَىُواْ خِلاَلَكُمْ يَبْغُونَكُمُ الْفِتْنَەَ وَفِيكُمْ سَمَّاىُونَ لَھُمْ وَاللّھُ ىَلِيمٌ بِالئَّالِمِينَ﴾ « ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە-پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى» (سۈرە تەۋبە 47- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) مەقسەتتە مۇسۇلمانلار سېپىگە قوشۇلۇپ بىرگە چىققانىدى. ئۇلار بۇ غازات جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ زەھەرلىك سېسىق نەپەسلىرىنى چېچىشقا مۇنداق ئىككى يوچۇق تاپتى، نەتىجىدە ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېغىر توقۇنۇش پەيدا قىلدى ۋە يوقىلاڭ ئېغۋالارنى تارقىتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر شانائەت كەلتۈردى، تۆۋەندىكى قۇرلار ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ تەپسىلاتىدۇر.
مۇناپىقلارنىڭ: »مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم )ئابدۇللاھ ئىبنى ئوبەي ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى دېمەكچى( ئەڭ خار ئادەمنى)رەسۇلۇللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ( مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ« دېگەنلىكى
رەسۇلۇللاھ جەڭ ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ تېخىچە مۇرەيسىئ(سۇنىڭ نامى) بويىدىن ئايرىلمىغان ئىدى. قوشۇننىڭ سۇ توشۇغۇچىلىرى كېلىپ كېتىپ جىددىي سۇ توشۇۋاتاتتى، سۇ توشىغۇچىلار ئىچىدە ئۆمەر ئىبنى خەتتاپنىڭ جەھجاھولغىپارى ئىسىملىك بىر خىزمەتكارى بار بولۇپ ئۇ سىنان ئىبنى ۋەبرىلجۇھەنى بىلەن نۆۋەت تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالدى، نەتىجىدە سىنانولجۇھەنى: «ئەنسارى بولساڭ كەل!» دەپ توۋىلىدى، جەھجاھ: «مۇھاجىر بولساڭ كەل» دەپ، ياردەمگە ئادەم چاقىردى. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاڭلاپ: «جاھىلىيەتچە تەرەپبازلىق دەۋالىرىنى يەنە كۆتۈرۈپ چىقامسىلەر؟ ئو سۇنى تۆكۈۋېتىڭلار، ئۇ سېسىق ئىكەن» دېدى. ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي بۇ جېدەل-ماجرانىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاپ خاپا بولۇپ بىر توپ خەزرەجلىك كىشىلەر ئالدىدا(ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋىجدانلىق يىگىت زەيد ئىبنى ئەرقەممو بار ئىدى): «ئۇلار (مۇھاجىرلارنى دىمەكچى-ت) شۇنداق قىلدىمۇ تېخى؟! بىز ئۇلارنى يۇرتىمىزغا چۈشۈردۇق ئۆي-ماكانلىرىمىزغا باشلىدۇق، ئەمدى ئۇلار بىزنى ئۇرغۇدەك بوپتۇمۇ؟! «ۋاپاغا جاپا» دېگەن شۇ، ئەزبىرايى خۇدا، بىز مەدىنىگە قايتىپ بارغان ھامان ئۇلارنى مەدىنىدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىمىز» دېدى. ئاندىن يەنە ئەتراپىدىكىلەرگە تاپا تەنە قىلىپ: «بۇ خورلۇقنىڭ ھەممىسىگە ئۆزۇڭلار سەۋەبچى بولدۇڭلار، ئۇلارنى يۇرتۇڭلارغا چۈشۈردۈڭلار، ماللىرىڭلارنى تەڭ بۆلۈشتۈڭلار، قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمىگەن بولساڭلار ئەلۋەتتە باشقا يەرلەرگە كېتىشەتتى» دېدى. زەيىد ئىبنى ئەرقەم بۇ گەپنى تاغىسىغا ئېيتتى، تاغىسى كېلىپ رەسۇلۇللاھنى ۋاقىپلاندۇردى، بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاپمۇ بار ئىدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۆمەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئوبباد ئىبنى بىشىرنى بۇيرىغىن بۇ مۇناپىقنى يۇغۇشتۇرۋەتسۇن» دېگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «كىشىلەر سۆز تارقىتىپ مۇھەممەد ئۆز ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپتۇ» دېسە قانداق بولىدۇ. ئى ئۆمەر؟! ھەرگىز ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن سەن دەرھال قوزغىلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلغىن» دېدى بۇ ئادەتتە يول يۈرۈش ناھايىتى بىئەپ ۋاقىت ئىدى. پەرمانغا ئاساسەن قوشۇن نائىلاج قوزغىلىپ يولغا چىقتى، بۇ چاغدا ئوسەيد ئىبنى ھۇزەير رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بەردى ۋە ئۇنىڭدىن بۇنداق غەيرى ۋاقىتتا ئاتلىنىش بۇيرۇقى بېرىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغانىدى، رەسۇلۇللاھ: «سەن ھېلىقى جەمەتدىشىڭنىڭ نېمە دىگىنىنى ئۇقمىدىڭمۇ؟» دېدى، ئوسەيىد: «ئۇ نېمە دەپتۇ؟ » دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇ مەدىنىگە قايتىپ بارغاندا «مۇھاجىرلارنى قەتئى قوغلاپ چىقىرىمەن»دەپ يۈرۈپتۇغۇ؟» دېدى. ئوسەيد: «بەلكى سەن ئى رەسۇلۇللاھ! خالىساڭ ئۇنى مەدىنىدىن قوغلاپ چىقىرالايسەن، ئەزبىرايى خۇدا، ئۇ ھەقىقەتەن خار-زەبۇن،سەن ئەزىزدۇرسەن» دېدى. ئاندىن يەنە: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنىڭغا ئىللىق سىپايە مۇئامىلە قىلغىن، مەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا شاھلىق تاجى كەيگۈزۈش ئۈچۈن ئۇنچە-مەرۋايىت تىزىۋاتقاندا ئاللاھ بىزگە سېنى كەلتۈرۈپ بەردى. ئۇ ھازىر سېنى بولغۇسى‹شاھلىقىم›نى تارتىۋالدى»دەپ تەتۈر بېقىۋاتىدۇ» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ قوشۇن بىلەن شۇ كۇنى پۇتۇن بىر كۈن ۋە كېچىسى توختىماي يول يۈردى، ھەتتا ئەتىسى كۈن كۆتۈرۈلگەنىدىن كېيىن ئاندىن بىر مەنزىلگە چۈشۈۋىدى قوشۇن جىم-جىت ئۇيقۇغا كېتىشتى، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى كىشىلەرگە بىكار پاراڭ سېلىشقا ئورۇن بەرمەسلىك ئۈچۈن ئىدى.
ئەمما ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي ئۆز گىپىنىڭ زەيد ئىبنى ئەرقەم ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا ئاڭلىنىپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە : «مۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچى بولمىدىم، ھەتتا كۆڭلۈمگىمۇ كەلتۈرمىدىم» دەپ ئاللاھنى ئارىغا سېلىپ قەسەم ئىچتى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ئەنسارلار: «ئى رەسۇلۇللاھ، زەيىد ئىبنى ئەرقەم تېخى كىچىك گۆدەك بالا ئۇنىڭ گېپىنى ياخشى ئاڭلىيالماي خاتا ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئۇنىڭ قەسىمىنى قۇۋۋەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەينىڭ گېپىگە ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلدى.
زەيىد ئىبنى ئەرقەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ چاغدا ماڭا يەتمىگەن ئوي-خىياللار يېتىپ ئېغىر غەم بېسىۋالدى، ھەتتا ئۆيدىنمۇ چىقمىدىم. شۇ ھالەتتە ئاللاھ: ﴿ھُمُ الَّۇِينَ يَقُولُونَ لَا تُنفِقُوا ىَلَۈ مَنْ ىِندَ رَسُولِ اللَّھِ چَتَّۈ يَنفَگُّوا﴾ «رەسۇلۇاللەنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنى تەمىنلىماڭلار، ئۇلار تاراپ كەتسۇن» دەيدۇ»(سۈرە مۇنافىقۇن 7- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)غىچە ۋە ﴿ يَقُولُونَ لَېِن رَّجَىْنَا إِلَۈ الْمَدِينَەِ لَيُخْرِجَنَّ الْۆَىَزُّ مِنْھَا الْۆَۇَلَّ وَلِلَّھِ الْىِزَّەُ وَلِرَسُولِھِ وَلِلْمُۋْمِنِينَ ﴾ «ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم (يەنى ئابدۇللا ئىبن ئۇبەي ۋە مۇناپىقلار ئۆزلىرىنى دىمەكچى) ئەڭ خار ئادەمنى (يەنى رەسۇلۇاللەنى، مۆمىنلەرنى دىمەكچى) مەدىنىدىن چىقىرىۋىتىدۇ» دېيىشىدۇ»(سۈرە مۇنافىقۇن 8- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)دېگەن ئايەتلەرغىچە نازىل قىلدى ۋە شۇ ھامان رەسۇلۇللاھ ماڭا ئادەم ئەۋەتىپ يۇقىرىقى ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىپ: «ئاللاھ سېنى راستقا چىقاردى» دېدى.
بۇ مۇناپىقنىڭ ئوغلى(ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى ئوبەي) سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، ياخشى ساھابىلەردىن ئىدى، ئۇ بۇ قېتىم ئاتىسىدىن «ئاتا-بالىلىق»تىن ۋاز كېچىپ قىلىچنى بىلەپ مەدىنە يول ئېغىزىدا تۇرۇۋالدى، قوشۇن مەدىنىگە يېتپ كېلىپ ئاتىسى ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي كىرىپ كېلىۋىدى ئۇنىڭغاقىلىچ تەڭلەپ: « ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، رەسۇلۇللاھ سېنى مەدىنىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلمىغۇچە، مەن سېنى كىرگۈزمەيمەن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەزىز، سەن بولساڭ ھەقىقى خار» دەپ ئۇنى توختىتىپ تۇردى. رەسۇلۇللاھ كېلىۋىدى، ئۇنىڭغا ئىزنى قىلدى ۋە ئاندىن مەدىنىگە كىرەلىدى. ئابدۇللا ئىبنى ئوبەينىڭ بۇ ئوغلى: «ئى رەسۇلۇللاھ! ناۋادا ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى خالاپ قالساڭ مېنى بۇيرىغىن، ئەزبىرايى خۇدا! ئۇنىڭ بېشىنى ئالدىڭغا ئۆزۈم ئېلىپ كېلىمەن» دېدى.
ئائىشىگە چاپلانغان تۆھمەت
بەنى مۇستەلەق غازىتى جەريانىدا يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تۆھمەت چاپلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: رەسۇلۇللاھ بۇ غازاتتا چەك تاشلاش ئارقىلىق ئاياللىرىدىن ئائىشە بىنتى ئەبۇبەكرىنى بىللە ئېلىپ چىققانىدى، رەسۇلۇللاھ بۇنىڭ ئالدىدىمۇ شۇنداق قىلاتتى. قوشۇن غازاتتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ بىر جايدا كېچىلىك قۇنالغۇغا چۈشكەن ئىدى. ھەزرىتى ئائىشە ھاجەت ئادا قىلىش ئۈچۈن كاجۋىسىدىن چىقىپ قايتىشىدا ھەمشىرسىدىن ئارىيەت ئالغان بىر مۇنچىقىنى يۈتتۈرۈپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى مۇنچاقنى ئىزلەشكە كىرىشىپ كەتتى. بىر چاغدا ئۇنىڭ كاجۋىسىنى كۆتۈرىدىغانلار ئائىشىنى «كاجۋىدا بار» دەپ ئويلاپ كاجۋىنى تۆگىگە ئارتتى-دە قوشۇن بىلەن يۈرۈپ كەتتى، ئۇنىڭ يېنىكلىكىدىن كاجۋىنىڭ ئىچىدە بار-يوقلۇقى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەنىدى، چۈنكى ئائىشە ئۇ چاغلاردا تېخى كېچىك نېپىز قىزچاق بولۇپ ئېغىرلىقى مەلۇم بولمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ كاجۋىسىنى بىر قانچە كىشى كۆتۈرگەن بولغاچقا ئۇنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ھېچقايسىسىگە بىلىنمىدى، ناۋادا ئۇنى بىر ياكى ئىككى ئادەم كۆتۈرگەن بولسىدى، ئەلۋەتتە بىلگىلى بولاتتى. شۇنداق قىلىپ ئائىشە مۇنچىقىنى تېپىپ قوشۇن چۈشكەن جايغا كەلسە قوشۇننىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى. شۇڭا ئائىشە: «ئۇلار مېنى پات پۇرسەتتە چوقۇم ئىزلەپ كېلىدىغۇ» دەپ ئويلاپ قوشۇن چۈشكەن جايدا ئولتۇرۇپ تۈردى، ئاللاھ ئۆز ئىشىغا ھامان غالىبتۇركى ئەرشى ئەلا ئۈستىدە ئىشلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ ۋە تەدبىر قىلغۇچىدۇر. ئائىشە ئولتۇرۇپ-ئولتۇرۇپ بىر چاغدا ئۇيقۇغا ئەسىر بولۇپ كۆزى يومۇلدى -دە، بىر چاغدا سەفۋان ئىبنى موئەتتەلنىڭ: ﴿إِنَّا لِلّھِ وَإِنَّـا إِلَيْھِ رَاجِىونَ ﴾: «بىز ئاللاھ ئىلكىدە تۇرىمىز، يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىمىز» («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەر 156- ئايەت) دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالىغۇ بۇ؟» دېگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ ئويغاندى.
سەفۋان ئىبنى موئەتتەل ئالدىنقى مەنزىلىدە ئۇخلاپ قېلىپ كېينرەك ئۇيغۇنۇپ قوشۇننىڭ كەينىدىن يېتىپ كەلگەنىدى، ئۇ ئائىشىنى مەستۇرە بولۇشنىڭ ئالدىدا كۆرگەن بولغاچقا يىراقتىن بىر كۆرۈپلا تونۇۋالدى-دە : ﴿ إِنَّا لِلّھِ وَإِنَّـا إِلَيْھِ رَاجِىونَ ﴾ دەپ تەنبىھ بەردى، ئاندىن تۆگىسىنى چۆكتۇرۇپ ئائىشىگە ئىشارەت قىلدى. سەپۋان ئائىشىگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، ئائىشىمۇ سەفۋاننىڭ ﴿ إِنَّا لِلّھِ وَإِنَّـا إِلَيْھِ رَاجِىونَ ﴾ دېگەن سۆزىنىلا ئاڭلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئائىشە سەپۋاننىڭ تۆگىسىگە مىندى سەفۋان تۆگىسىنى يېتىلەپ يولغا راۋان بولدى. ئاخىرى بىر چاغدا قوشۇننىڭ كەينىدىن يېتىپ كېلىۋىدى بۇ چاغدا قوشۇن چۈشلۇك دەم ئېلىشقا قۇيۇۋېتىلگەن ئىدى. كۆپچىلىك ئەھۋالنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى. بىباك بەتقىلىقلار ھەر قايسىسى ئۆزىگە مۇناسىپ گەپ قىلدى ۋە ئېغىزىغا كەلگەنچە كوتۇلدىغىلى تۇردى. دەل بۇ چاغدا پەسكەش مەلئۇن ئابدۇللا ئىبنى ئوبەينىڭ كوڭلى-كۆكسى يايراپ، گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى، ئىچ-ئەزالىرىنى ئۆرتەپ مۇناپىقلىقنىڭ بۇس-بۇخارالىرى كەڭ-كۇشادە ئۆرلەپ، قوشۇننىڭ ساپ مۇھىتىنى بولغىۋەتتى ۋە بەدنامنى كۆزى كۆرگەندەك تۇقۇپ بىرگە ئوننى قۇشۇپ يېيىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ شايكىلىرى تۆھمەتكە ئائىت گەپ-سۆزلەرنى توقۇپ يەتكۈزۈپ ئۇنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭ ئالدىدا ياخشىچاق بولۇشقا تىرىشاتتى. قوشۇن مەدىنىگە يېتىپ كەلگەنىدىن كېيىن ئۇلار بۇ يالغان-ياۋىداق سۆز -چۆچەكلەرنى مەدىنىگە پۇر قىلىۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ سەبرى قىلىپ بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزدى، ئاندىن كېيىن(ۋەھىي توختاپ قالغاچقا) ساھابىلەردىن بىر قانچە كىشىگە ئائىشىدىن ئايرىلىپ كېتىش توغرىسىدا مەسلەھەت سالدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېىتىپ باشقىدىن ئۆيلىنىشكە گەپ ئەگىتىپراق مەسلەھەت بەردى، ئەمما ئۇچۇق ئېچىپ دېمىدى، ئۇسامە ۋە باشقىلار ئائىشىنى ساقلاۋېرىشنى، دۈشمەننىڭ ئىغۋاسىغا قۇلاق سالماسلىقىنى ئېيتتى.
شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلىپ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي قاتارلىقلارنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىگە بەدنام چاپلاشقا نېمە ئاساسى بارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ چاغدا ئۇسەيد ئىبنى ھوزەير(ئەۋس قەبىلىسىنىڭ باشلىقى) ئۆزىنىڭ ئابدۇللا ئىبنى ئوبەينى ئولتۇرۋېتىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، بۇنى ئاڭلاپ سەئەد ئىبنى ئوبادە(ئابدۇللا ئىبنى ئوبەينىڭ قەبىلىسى بولغان خەزرەج قەبىلىسىنىڭ باشلىقى)نىڭ قەبىلەۋازلىقى تۇتىۋېلىپ ئىككەيلەن تاكاللىشىپ قېلىپ مەسچىتنىڭ ئىچىدىلا ئىككى قەبىلە تۇتىشىپ كەتكىلى تاسلا قالدى، بۇ چاغدا رەسۇلۇللا مۇنبەردىن چۈشۈپ ئىككى تەرەپكە ھاي بېرىپ ئۇلارنى جىم قىلدى ۋە ئۆزىمۇ جىم بولۇپ ھۇجىرىسىغا كىرىپ كەتتى.
ئەمما ئائىشە سەپەردىن قايتىپ كىرىپلا ئاغرىپ يېتىپ قالغانىدى ۋە ئۇنىڭ كېسىلى بىر ئايغىچە سوزۇلدى. ئۇ بۇ جەرياندا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئىلگىرىمۇ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان چاغلىرىدىكى كۆيۈنۈش ۋە ھېسداشلىقلىرىنىڭ سۇسلىىشپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن باشقا ئۇنىڭ ئۈستىدە جەمئىيەتتە تارالغان بەدنام ۋە سۆز-چۆچەكلەردىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى. ئائىشە بىر ئاز ياخشىلىنىپ ئورنىدىن تۇرغىدەك بولۇۋىدى، بىر كېچىسى مىستەھ ئىبنى ئوساسەنىڭ ئانىسى ئوممى مىستەھنىڭ ھەمرالىقىدا سىرتقا ھاجەتكە چىقتى ۋە ئۇ يەردە ئوممى مىستەھ ئۆز كىيىمىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپ ئوغلىغا دۇئايى بەد قىلغانىدى، ئائىشە ئۇنىڭ ئۆز ئوغلىغا ئۇرۇنسىز دۇئايى بەد قىلغانلىقىغا نارازى بولۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى. ئۇ: «ئۇلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن گەپلىرىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟»دېدى ۋە ئائىشىگە ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئائىشە ئەتىسى ئەتىگەن ئۆيىگە قايتىپ ئاتا-ئانىسىدىن ئەھۋالنى ئېنىقراق ئۇقۇش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھدىن ئائىلىسىگە بېرىپ-كېلىشكە رۇخسەت سورىدى ۋە ئاتا-ئانىسنىڭكىگە بېرىپ ئەھۋالنى ئۇقتى-دە بۇقۇلداپ يېغلاشقا باشلىدى، ئۇ شۇ كۇنى ۋە ئەتىسى ئىككى كېچە كۆز يۇمماي يىغلاپ چىقتى، ھەتتا ئۇ يىغلاۋېرىپ ئۆز كۆزىدىن ئەنسىرەپ قالدى.
ئائىشىنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنداق قايغۇ-ئەلەم ئىلكىدە ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە رەسۇلۇللاھ ئۇنى يوقلاپ بېرىپ ئائىشىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ: «تەشەھھۇد(ھەمدۇ-سەنا ۋە شاھادەت) ئوقىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئى ئائىشە! سەن توغرىلىق تۈرلۈك سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلىدىم، ئەگەر سەن بۇ ئىشتىن پاك بولساڭ ئاللا سېنى چوقۇم ئاقلايدۇ، ئەگەر گۇمانلىق بولساڭ تەۋبە قىلىغىن، ئىنسان گۇناھىنى تونۇسا ۋە تەۋبە قىلسا ئاللاھ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ»،دېدى. گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئائىشىنىڭ يېغىسى توختاپ، رەسۇلۇللاھقا مەن ئۈچۈن جاۋاب بېرىڭلار دېگەندەك قىلىپ ئاتا-ئانىسىغا قارىدى، ئائىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قېلىشتى، بۇ چاغدا ئائىشە: «بۇ سۆزلەرگە سىلەر شۇ قەدەر ئىشەنگەنسىلەركى، ئەگەر مەن مىڭىنى … مەن پاك دېسەممۇ(مىنىڭ پاكلىقىمنى ئاللا بىلىدۇ) سىلەر سۆزۈمگە ئىشەنمەيسىلەر(ئاللاھ بىلىدۇكى) مەن پاك تۇرۇپ بۇ تۆھمەتلەرنى ئۈستۈمگە ئالسام چوقۇم ئىشىنىسىلەر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن ئۆز-ئۆزەمگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ياقۇپ ئەلەيـھىسسالامنىڭ : ﴿فَپَبْرٌ جَمِيلٌ وَاللّھُ الْمُسْتَىَانُ ىَلَۈ مَا تَپِفُونَ﴾ «مەن پەقەت چىرايلىقچە سەبرى قىلىمەن، سىلەرنىڭ سۆز-ھەرىكىتىڭلارغا قارىتا ئاللاھتىن مەدەت تىلەيمەن» («قۇرئان كەرىم» سۈرە يۈسۈف 18- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن سۆزدىن باشقا سۆز تاپالمايمەن، دەپلا ئۆرۈلۈپ ئۇياققا قاراپ يېتىۋالدى. دەل شۇ دەقىقىدە رەسۇلۇللاھقا ۋەھى نازىل بولۇشقا باشلىدى ۋە بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭدىن ۋەھىي سۈرى كۆتۈرلۈپ چىرايىدا كۆلكە پەيدا بولدى ۋە : «ئى ئائىشە! خوش خەۋەر، ئاللاھ سېنى ئاقلىدى، بىلگىنكى ئاللاھ سېنى ئاقلىدى» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئائىشىنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: «تۇرە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ رەسۇلللاھقا رەھمەت ئېيتقىن» دېگەنىدى، ئائىشە: «(ئۆزىنىڭ پاكلىقىغا نازلىنىپ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى چىن سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەنىچ قىلىپ) ياق ئەزابىرايى خۇدا مەن پەقەت ئاللاغىلا تەزىم بەجا كەلتۈرىمەن ۋە ئاللاغىلا تەشەككۇر ئېيتىمەن» دېدى.
ئاللاھ ئائىشىگە چاپلانغان تۆھمەت ھەققىدە تۆۋەندىكى ﴿الَّۇِينَ جَاۋُوا بِالْإِفْكِ ىُپْبَەٌ مِّنكُمْ﴾ «سۇبھىسىزكى سىلەردىن بىر گوروھ ئادەم(ئائىشىگە) بوھتان چاپلىدى» قاتارلىق سۈرە نۇردىن 10 نەچچە ئايەتنى نازىل قىلدى. بۇ قېتىم ئائىشىگە تۆھمەت چاپلىغۇچىلاردىن مىستەھ ئىبنى ئوساسە، ھەسسان ئىبنى سابىت ۋە ھەمنە(ئايال)بىنتى جەھشلەر ھەر بىرىگە سەكسەندىن دەررە ئۇرۇلدى. مەلئۇن ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي تۆھمەتچىلەرنىڭ باش كاللىسى ۋە ھەممىدىن بەك ئوت قۇيرۇقلۇق قىلغان تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا ھەد(جىنايى جازا) بېرىلمىدى، بۇنداق بولۇشى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جىنايى ئىشلار چارىسى جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئىدى. ھالبۇكى ئاللاھ بۇ قېتىمقى جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا ئېغىر ئازاب بارلىقىنى ئېيتتى ياكى ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى توسۇپ قالغان سىياسى ۋە ئىجتىمائى مەسلەھەت، بۇ قېتىممۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان بولۇشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە.
شۇنداق قىلىپ مەدىنە ئاسمىنىنى بىر ئايدەك قاپلىۋالغان پىتنە-پاساد، غەللە-غەۋغا ۋە ئۆسەك سۆز-چوچەك قارا تۇمانلىرى تەرەپ-تەرەپكە تاراپ، ھاۋا ئېچىلىپ كۆڭۈللەر تەسكىن تاپتى. مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي شۇنداق رەسۋا بولدىكى ئۇنىڭدىن كېيىن ئەل ئارىسىدا پەقەت بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دېگەن: «مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن ھېلىقى بەدبەخ بىرەر ۋەقە سادىر قىلسا ئۇنىڭ دەككىسىنى ئۇنىڭ ئۆز ئادەملىرى بېرىدىغان بولغان بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۆمەرگە: «قانداق ئى ئۆمەر! ناۋادا ئابدۇللا ئىبنى ئۈبەينى ئۆلتۈرۋېتەيلى» دېگەن چېغىڭدا ئۆلتورۋەتكەن بولساق، نارازىلىق كۆپ بولاتتى، مانا ئەمدى ئۆلتۈرۋېتىشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى» دېدى. ئۆمەر« ئەزبىرايى خۇدا، ئەمدى بىلدىمكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمر پەرمانى مېنىڭ ئويلىغانلىرىمدىن كوپ ھېكمەتلىك ھەم خەيرىلىك ئىكەن» دېدى.
مۇرەيسىئە غازىتىدىن كېيىن ئەۋەتىلگەن قوشۇن ۋە ھەربىي يۈرۈشلەر
1. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف قوشۇنى:
ھىجىرىينىڭ 6- يىلى شەئىبان (8-ئاي)دا دەۋمەتۇلجەندەلدىكى بەنى كەلىب خەلقىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا ئەۋەتىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام قوشۇن يولغا چىقىش ئالدىدا ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋفنى ئالدىغا ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭغا سەللا ئوراپ كەيگۈزدى، ئاندىن ئۇنىڭغا ھەربىي ئىشلاردىكى ئەڭ ئادىل تەرتىپلەرنى تاپىلاپ: «ئەگەر ئۇلار ساڭا قارشىلىقسىز ئىتائەت بويۇنلىرىنى ئەگسە، ئۇلارنىڭ باشلىقىنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگىن»دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇراھمان ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغانىدى، ئۇلار بىردەك مۇسۇلمان بولۇپ ئىتائەت قوللىرىنى سۇندى، شۇنىڭ بىلەن ئابدۇرەھمان تۇمازىر بىنتى ئەسبەغ(ئۇلار نىڭ قەبىلە باشلىقىنىڭ قىزى)گە ئۆيلەندى. ئۇ ئەبى سەلەمە ئىبنى ئابدۇرەھماننىڭ ئانىسى دۇر. تومارىزنىڭ ئاتىسى ئەسبەغ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق سەردار ئىدى.
2. ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب قوشۇنى:
ھىجىرىينىڭ 6- يىلى شەئباندا فەدەك تىكى بەنى سەئەد(ئىبنى بەكرى) قەبىلىسىگە ئەۋەتىلدى. سەۋەبى: «ئۇ يەردە بىر بۆلۈك كىشىلەر مۇسۇلمانلارغا قارشى يەھۇدىيلارغا ھەمدەمدە بولۇۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر رەسۇلۇللاھقا ئاڭلانغانىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئەلى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) باشچىلىغىدا ئىككى يۈز كىشىنى ئەۋەتتى بۇ قوشۇن كېچىسى يول يۈرۈپ كۈندۈزى يۇشۇرۇنۇپ مېڭىپ ئاخىرى يول ئۈستىدە ئۇلارنىڭ بىر جاسۇسىنى قولغا چۈشۈردى، ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە بەنى سەئەد خەلقى ئۇنى خەيبەرگە خەيبەر خورمىسىدىن مەلۇم ئۈلۈشكە ئېرىشىش شەرتى بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇش تەكلىپىنى بەرگىلى ئەۋەتكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇسۇلمانلارنى دۈشمەن توپلاشقان ئورۇنغا باشلاپ بېرىۋىدى، ئەلى ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپ 500 تۆگە 2000 قوينى قولغا چۈشۈردى بەنى سەئەد خەلقى پۈتۈنلەي قېچىۋالدى. ئۇلارنىڭ باشلىقى ۋەبدە ئىبنى ئەلىم دېگەن كىشى ئىدى.
3. ئەبى بەكرى سىددىق ياكى زەيد ئىبنى ھارس قوشۇنى:
ھىجىرىيىنىڭ 6- يىلى رامىزان(9- ئاي)دا ۋادىلقۇراغا ئەۋەتىلدى. ئۇ يەردىكى بەنى پەزارە ئايىمىقى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان ئىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئەبۇ بەكرى سىددىقنى ئەۋەتتى. سەلىمە ئىبنى ئەكۋەئ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەبۇ بەكرىنىڭ قوشۇنىدا بىرگە چىققانىدىم، بىز ئۇ يەرگە يېتىپ بارغان كۈنى سەھەر بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا ئۇلارغا ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، بىر سۇ بويىغا سۈرگۈن قىلىپ باردۇق، ئەبۇ بەكرى ئۇ يەردە بىر بۆلۈك قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئۆلۈمگە بۇيرىدى. مەن ئاياللار ۋە بالىلار ئارىلاش بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ قېچىپ تاغدىن ئېشىپ كەتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم-دە دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئوق ئۈزۈپ ئۇلارنى توختاتتىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇممى قىرفە ئىسىملىك بىر خوتۇننىڭ ناھايىتى گۈزەل ساھىپجامال بىر قىزى بار ئىكەن، مەن ئۇلارنى ھەيدەپ كېلىۋىدىم ئەبۇ بەكرى ھېلىقى قىزنى ماڭا ئىلتىپات قىلىۋەتتى. مەن ئۇنىڭ تېخى يۈزىنىمۇ ئاچمىغانىدىم، رەسۇلۇللاھ ئۇنى مەندىن سورىۋېلىپ، مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ قولىدا قىينىلىۋاتقان مۇسۇلمان ئەسىرلەرگە ئالماشتۇردى.
ئوممى قىرفە (ئايال) رەسۇلۇللاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋە مۇشۇ مەقسەتتە ئۆز جەمەتىدىن 30 كىشىنى قورال-ياراق ۋە باشقا تەمىنات بىلەن تەمىنلىگەن تەرسا، شەيتان خوتۇن ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ قېتىم تېگىشلىك جاجىسىنى يېدى، 30 ئادىمىمۇ ساق قالمىدى.
4. كۇرىز ئىبنى جابىرىلفىھرى قوشۇنى:
بۇ قوشۇن مۇشۇ يىلى شەۋۋال(10-ئاي)دا ئورەينە(قەبىلە)لىك بىر ئوچۇم كىشىلەرگە قوغلاپ زەربە بېرىشكە ئەۋەتىلدى، ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق ئۇكلى ۋە ئورەينە قەبىلىلىرىدىن بىر ئوچۇم بۇزۇق ئادەملەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار مەدىنىدە بىر مەھەل تۇرغاندىن كېيىن مەدىنىنىڭ ھاۋاسى بىلەن كېلىشەلمەي ئاغرىپ قېلىشتى، شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى يايلاقتىكى تۆگىلەرگە قارىشىپ بەرگەچ ئاشۇ تۆگىلەرنىڭ سۈتى ۋە سۈيدۇكلىرىدىن ئىچىشكە بۇيرىدى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ ساقىيىۋېلىپلا رەسۇلۇللاھنىڭ پادىچلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مۇرتەد بولۇپ سەدىقە تۆگىلىرىنى ھەيدەپ قېچىپ كەتتى. ئۇلار مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كاپىر بولۇشتى، شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى قوغلاش ئۈچۈن ساھابىلەردىن كۇرزىل فىھرىنى 20 ئاتلىق بىلەن ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا دۇئا قىلىپ : «ئەي ئاللاھ ئۇلارنىڭ يولىنى ئاخىرى يوق تۇيۇق يول قىلغىن ۋە ئۇلارنىڭ يولىنى چىغىر يولدىنمۇ تار قىلىۋەتكىن» دېدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يولىنى ھەقىقەتەنمۇ ئېزىقتۇرىۋەتكەن ئىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇزاق ئۆتمەي مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ پادىچىلىرىغا قىلغىنىغا ئوخشاش چارە كۆرۈپ پۇت-قوللىرى كېسىلدى. كۆزلىرى ئويۇپ تاشلاندى. ئاندىن ھەررە تاشلىقىغا تاشلاپ قويۇلۇپ قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى. سەھىھۇلبۇخارىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنىدۇ.
تارىخشۇناسلار ئۇرەينە ۋەقەسىدىن كېيىن مۇشۇ يىلى شەۋۋال ئېيىدا ئەمرى ئىبنى ئومەييە زەمرى بىلەن سەلىمە ئىبنى سەلىمە قوشۇنىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى زىكرى قىلىشىدۇ. بۇ قوشۇننىڭ ئەۋەتىلىش سەۋەبىدە ئەبۇ سۇفىيان بىر ئەرابىنى سېتىۋېلىپ رەسۇلۇللاھنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھمۇ بۇ قوشۇننى ئەبۇ سۇفياننى يوشۇرۇن ئۆجۇقتۇۋېتىشكە ئەۋەتكەن، لېكىن بۇ ئىككى قوشۇننىڭ ھېچ قايسىسى مەقسىتىگە يىتەلمەي قايتقانلىقى زىكىرى قىلىنىدۇ. تارىخشۇناسلار يەنە قوشۇن باشلىقىنىڭ يول ئۈستىدە ئۈچ مۇشرىكنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى زىكرى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۆمەر ئبنى خەتتاپ يول ئۈستىدە ئۈچ مۇشرىكنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى ۋە مۇشۇ سەپىرىدە شېھىت خۇبەيىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جەسىتىنى بىرگە ئېلىپ قايتقانلىقىنى زىكرى قىلىنىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەجىئ پاجىئەسىدىن بىر قانچە كۈن ياكى بىر قانچە ئايدىن كېيىن شېھىت قىلىۋېتىلگەن. ۋەھالەنكى رەجىئ پاجىئەسى ھىجىرىيىنىڭ 4- يىلى سەپەر(2-ئاي)دا يۈز بەرگەن. تارىخچىلار بۇ ئىككى سەپەرنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنمۇ ياكى ھەر ئىككى سەپەر ھىجىرىينىڭ 4- يىلى سەپەر ئېيىدا بولغانمۇ بۇ ماڭا (مۇئەللىپ) ئېنىق ئەمەس. ئەللامە مەنسۇر فۇرىي بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى ھەربىي ھەرىكەت ياكى قوراللىق تىركىشىش يۈز بەرگەن ئۇرۇش دېيىشكە قۇشۇلمىدى.
خوش… مانا بۇلار ئەھزاب غازىتى ۋە بەنى قۇرەيزە غازىتىدىن كېيىن ئەۋەتىلگەن قوشۇنلار ۋە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ تەپسىلاتىدۇر. ھېچ قايسىسىدا ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ياكى قوراللىق ئېلىشىش بولمىغان، يۈز بەرگەنلىرىمۇ ئاددى تىركىشىشلەر ئىدى. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا مەزكۇر ھەربي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ھازىرغا قەدەر ئۆز خۇدىنى تاپمايۋاتقان مۇغەمبەر دۈشمەن كۈچلەرنى ۋە ياكى قاراقچى بەدەۋىلەرنى قورقۇتۇپ خورىكىنى جىمىقتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پەسىللىك چارلاپ كۈزىتىش ھەرىكىتى ۋەياكى ئۇلارنى مۇستەبىتلىك ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇپ ئەدەپلەپ قويۇش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەينى چاغدىكى كونكىرت شەرت-شارائىتلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئەھزاب غازىتىدىن كېيىنلا دەۋر يۆنىلىشىدە زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ مەنىۋى كۈچى بارا-بارا ئاجىزلاپ ئىسلام دەۋىتىنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى يەرگە ئۇرۇش يامان نىيىتىدىن قەدەممۇ-قەدەم ۋاز كىچىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. مانا بۇ يەكۈنىمىز ئىككى تەرەپ ئۆتتۇرىسدا ھۇدەيبىيە سۈلھىسىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. چۈنكى سۈلھى تۈزۈش ۋە كېلىشىم ئىمزالاش دېگەنلىك مۇشرىكلارنىڭ ئۇزاقتىن بېرى يوقۇتۇش ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلامنىڭ ھەربىي، ۋە سىياسىي ئورنىنى ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلا بۇ دىننىڭ ئاللاھنىڭ زېمىنىدىن قانۇنلۇق ئورۇن ئالغانلىقىنى تارىخ سەھىپىسىگە پۈتكەنلىكتۇر، ئەلۋەتتە.
ھۇدەيبىيە ۋەقەسى
بۆلۈم: “ھۇدەيبىيە ۋەقەسى”ھىجىرىينىڭ 6- يىلى زۇلقەئدە (11- ئاي).
ھۇدەيبىيە ئۆمرىسىنىڭ سەۋەبى
بۆلۈم: “ھۇدەيبىيە ئۆمرىسىنىڭ سەۋەبى”ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر، بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيانقى ئىلگىرىلەشلەر تۈپەيلىدىن ئارالنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىشكە، مۇسۇلمانلارغا پەتھى بىشارەتلىرى كۆرۈنۈشكە، ئىسلامى دەۋەتنىڭ غەلىبە مېۋىلىرى ھۇسۇل بېرىشكە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئالتە يىل مابەينىدە مۇشرىكلار تەرىپىدىن چەكلەپ قويۇلغان دىنىي ئىبادەتلەرنى مەسچىدىلھەرام(كەئىبە شەرىف)دا ئادا قىلىش ھوقۇقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلىشكە باشلىغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بىر كۈنى مەدىنىدە چۈش كۆردى، ئۇ چۈشىدە ئەسھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەسچىتۇلھەرامغا كىرىپ كەئىبىنىڭ ئاچقۇچىنى قولغا ئالدى ۋە ھەممەيلەن بىللە بەيتۇلللاھنى تاۋاپ قىلىپ ئۆمرە ھەج قىلىشتى ۋە ئۆزئارا باشلىرىنى چۈشۈرۈپ ئېھرامدىن چىقتى. رەسۇلۇللاھ بۇ چۈشنى ساھابىلەرگە ئۆرۈپ بېرىۋىدى، ئۇلار خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە بۇ يىل چوقۇم مەككىگە كىرەلەيدىكەنمىز دەپ ئويلىدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۆمرىگە چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇۋىدى، كىشىلەر جىددىي سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى.
ئۆمرە ھەج چاقىرىقى
رەسۇلۇللاھ مەدىنە ۋە مەدىنە ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىلىرىنى ھەجكە چىقىشقا چاقىردى. سەھرا بەدەۋىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا ساقلىماي كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تەييارلاپ، مەدىنىدە ئۆز ئورنىدا ئابدۇللا ئۇممۇ مەكتۇمنى(يەنى بىر رىۋايەتتە نومەيلە توللەيسىنى) قالدۇرۇپ ھىجىرىينىڭ 6- يىلى زۇلقەئەد(11- ئاي)نىڭ بىرىنچى كۈنى دۇشەنبە سەھەر 1400 ياكى 1500 ساھابە بىلەن مەدىنىدىن يولغا چىقتى. ئاياللىرىدىن ئۇممى سەلىمەنى ئېلىۋالدى، ئادەتتە مۇساپىر سەپەردە كۈتۈلمىگەن ۋەقەدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېلىۋالىدىغان قىنىغا سېلىنغان قىلىچتىن باشقا ھېچ قانداق ياراق ئالمىدى.
مۇسۇلمانلار مەككىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مۇسۇلمانلار بىلەن مەككىگە قاراپ ئاتلىنىپ داۋاملىق يول-يۈرۈپ زۇلھۈلەيفە دېگەن يەرگە بارغاندا كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن چىقمىغانلىقىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەدىي(ھەجدە قۇربانلىق قىلىدىغان ماللار)گە قىلادە(بەلگە) ئاستى ۋە تۆگىسىنىڭ لوكىسىدىن ئازراق كېسىپ ئۇنىڭغا ئەن سالدى. ئاندىن شۇ يەردە تۇرۇپ ئۆمرىگە ئېھرام باغلىدى ۋە خۇزائە قەبىلىسىدىن بىر كىشىنى قۇرەيش توغرىلىق ئەھۋال ئىگەللەش ئۈچۈن ئالدىدا ماڭدۇرۇۋەتتى، بىر چاغدا رەسۇلۇللاھ ئوسپان غا يېتىپ بېرىۋىدى، ھېلىقى ئادەم قايتىپ كېلىپ: «كەئەب ئىبنى لوئەي جەمەتى سەن ئۈچۈن ھەبەشلەرنى يىغىپ قوشۇن تەشكىللەۋېتىپتۇ، ئۇلار سەن بىلەن ئۇرۇشۇپ بەيتۇللاغا كىرىشىڭنى توسماقچى ئىكەن»دېدى، بۇنى ئاڭلاپ رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ئۇ: « بىز مەككە مۇشرىكلىرىغا ياردەمدە بولغانلارنىڭ يۇرت مەھەللىسىگە ھۇجۇم قىلىپ زەربە بېرەيلىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار قارشىلىق كۆرسەتمەي تەسلىم بولسا غەم قايغۇ ئىچىدە ئەسىرگە چۈشىدۇ، ناۋادا قارشىلىق كۆرسەتسە ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاللاھ ئۆزى كەسكەن بولىدۇ ۋە ياكى بەيتۇللاھقا ئۇدۇل يول ئېچىپ ئىلگىرىلەمدۇق، ئالدىمىزنى توسقانلارنى شۇ چاغدا بىر تەرەپ قىلارمىز… » دېدى.
بۇ چاغدا ئەبۇ بەكرى: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلىدۇ، بىز ئۆمرە قىلغىلى كەلدۇق، بىر كىشى بىلەن ئۇرۇشقىلى كەلمىدۇق، لېكىن بىزنى بەيتۇللادىن توسقانلار بىلەن ئۇرۇشايلى بولمىسا … »دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق بولسا ماڭايلى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقتى.
قۇرەيش دائىرلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى بەيتۇللاھتىن توسۇشقا ئۇرۇنۇشى
قۇرەيش تەرەپ رەسۇلۇللاھنىڭ مەككىگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جىددىي مەسلەھەت يىغىنى چاقىرىپ مۇسۇلمانلارنى مۇمكىن قەدەر مەككىگە كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىشقان ئىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ھېلىقى بەنى كەئەب تەشكىللىگەن ھەبەش(نىگىر) ياللانما قوشۇنىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ماڭغاندىن كېيىن ئاشۇ جەمەتتىن بىر كىشى كېلىپ: «قۇرەيش تەرەپنىڭ زىتۋەن دېگەن جايغا كېلىپ چۈشكەنلىكىنى ۋە خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىغىدا 200 ئاتلىقنىڭ مەككىگە بارىدىغان چوڭ يولىدىكى كورائولغەيىم دېگەن جايدا مۇسۇلمانلارنى مەككىگە كىرىشتىن توسۇش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى ۋە شۇ ئەسنادا خالىد ئىبنى ۋەلىد لاۋۇ-لەشكەرلىرىنى باشلاپ يېتىپ كېلىپ مۇسۇلمانلاردىن خېلى يىراق جايدا چەۋەندازلىرىنى تىزىپ ھەيۋە كۆرسىتىپ تۇردى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئېنىق كۆرەلىدى. بىر چاغدا خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇسۇلمانلارنىڭ پىشىن نامىزىدا قاتار رۇكۇغا بېرىپ سەجىدە قىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ ئۇلارنىڭ راسا غاپىل ۋاقتى ئىكەن، ئەگەر مۇشۇ ھالىتىدە بىرلا ھۇجۇم قىلساق چوقۇم بىر تەرەپ قىلىۋىتەلەيمىزكەن» دېدى. ئاندىن ئادەملىرىگە ئۇلار ئەسىر نامازغا تۇرغاندا ئومۇمىيۈزلۈك ھوجۇم قىلىشنى ئۇقتۇردى، لېكىن ئۇ ۋاقىتقىچە ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا سەلاتۇلخەۋف نىڭ ھۆكمىنى نازىل قىلىپ خالىدنىڭ شېرىن خىيالىنى بەربات قىلدى.
يول يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلىنىش
بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ خالىد توسۇۋالغان ھېلىقى تەنئىم ئارقىلىق ئۇدۇل مەككىگە كىرگىلى بولىدىغان چوڭ يولنى سول تەرەپكە تاشلاپ ئوڭغا بۇرۇلۇپ تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدىكى ئەگرى-تۇقاي ئېگىز-پەس يوللار بىلەن مۇسۇلمانلارنى باشلاپ سەنيەتۇلمىرار يولىدىكى زەھرولھەمىش(دېگەن جاي)نىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ مەككىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ھۇدەيبىيە تۈزلەڭلىكىگە بارىدىغان بىر چىغىر يولنى بويلاپ ماڭدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ يۈنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ ئالغا ئىلگىرلەۋەرگەنلىكىنى كۆرۈپ قۇرەيشلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن مەككىگە قاراپ ئات چاپتۇردى.
رەسۇلۇللاھ داۋاملىق يول يۈرۈپ سەنىيەتولمىرارغا بارغاندا تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تۆگىسى چۆكىۋالدى. كىشىلەر قانچە نوقۇپ ھەيدەپ باققان بولسىمۇ تۆگە ئورنىدىن تۇرغىلى ئۇنىمىدى، بەزىلەر: «قەسۋائ (رەسۇلۇللاھنىڭ ئاق تۆگىسىنىڭ نامى) ھىرىۋالدى قەسۋائ ھېرىۋالدى» دېيىشكەنىدى، رەسۇلۇللاھ قەسۋائ ھېرىۋالمىدى، بۇ ھېرىپ قالىدىغان تۆگىمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇنى ئەسھابىلفىلىنىڭ فىللىرىنى توختىتىپ قويغان ئاللاھ توختىتىپ قويدى» دېدى، ئاندىن مۇنداق دېدى« ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ئۇلار ماڭا بەيتۇللانى ئۇلۇغلايدىغان ھەر قانداق بىر شەرتنى تەڭلىسە ئۇنى چوقۇم قوبۇل قىلىمەن» ئاندىن ئۇ تۆگىسىنى دىۋىتكەن ئىدى تۆگە سەكرەپ قوپۇپ كەتتى ۋە ئىختىيارى ھالدا يول يۇرۇپ ئاخىرى ھۇدەيبىينىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىكى سويى ئاز بىر قۇدۇق يېنىغا كېلىپ چۈشتى. مۇسۇلمانلار قۇدۇقنىڭ سويىنى ئاز-ئازدىن ئۇرۇشلاپ ئېلىشقان بولسىمۇ قۇدۇقنىڭ سۇيى تېزلا توگەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسۇلۇللاھقا ئۇسسۇزلۇق دەردىنى شىكايەت قىلىشقان ئىدى،رەسۇلۇللاھ يېنىدىكى ساداقتىن بىر تال ئوقنى چىقىرىپ قۇدۇققا تاشلاشقا بۇيرىدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھېلىقى ئوق قۇدۇققا تاشلانغان ھامان سۇ بۇلدۇقلاپ چىقىشقا باشلىدى، كىشىلەرمۇ سۇغا قاندى.
بۇدەيىل ئىبنى ۋەرقائ ئارىغا چۈشتى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ھۇدەيبىيەگە چۈشۈپ بىرئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن خۇزائە قەبىلىسىدىن بۇدەيىل ئىبنى ۋەرقا بىر قانچە ئادەمنى باشلاپ كەلدى. خۇزائە قەبىلىسى تىھامە ئاھالىلىرى ئىچىدە رەسۇلۇللاھنىڭ سادىق ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كەئەب ئىبنى لوئەي جەمەتى ھەرخىل ئېغىر، يىنىك قوراللارنى ئېلىپ ھۇدەيبىيە سۈيىنىڭ ئۇ چېتىگە چۈشتى، ئۇلار سەن بىلەن ئېلىشىپ بەيتۇللاغا كىرىشڭنى توسماقچى». بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ :«بىز ئۇرۇشقىلى كەلمىدۇق، ئۆمرە قىلغىلى كەلدۇق. قۇرەيشلەرنى بولسا نەچچە يىللىق ئۇرۇش خورىتىۋەتتى. ئۇلار ئېغىر زىيان تارتتى. شۇڭا ئۇلار مەن بىلەن ئەھدى-كېلىشىم تۈزۈشنى خالىسا كېلىشىم تۈزىمەن، باشقىلار(يەنى باشقا ئەرەب قەبىلىلىرى)نىڭ ئىشى ئايرىم ئىش، كېيىنچە ئۇلار خالىسا باشقىلار كىرگەن دىنغا ئۇلارمۇ كىرەر ياكى كىرمەس. ئەمما ئۇلار ماڭا زورلاپ ئۇرۇش تاڭسا، ئەزبىرايى خۇدا، مەن ئۇلار بىلەن جېنىمدىن جۇدا بولغۇچە ياكى ئاللاھ ئۆز ئىشىنى غالىب قىلغۇچە ئۇرۇشىمەن» دېدى، بۇدەيىل رەسۇلۇللاھقا: «دېگەنلىرىڭنى قۇرەيشلەرگە چوقۇم يەتكۈزىمەن»دەپ چىقىپ كەتتى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن چىققان پېتى قۇرەيش تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىپ: «مەن ھازىرلا ماۋۇ ئادەم(رەسۇلۇللاھنى دىمەكچى-ت)نىڭ يېنىدىن كەلدىم. ئۇ ماڭا بەزى گەپلەرنى دېدى. خالىساڭلار ئوتتۇرىغا قويىمەن» دېدى. سورۇندىكى بەزى كەم ئەقىل كىشىلەر بۇدەيلىنىڭ گېپىنى ئاڭلا-ئاڭلىمايلا: «قوي ئۇنىڭ گېپىنى دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى. يەنە بەزى پەم-پاراسەتلىكلىرى: «قېنى ئېيتىپ باق! ئاڭلاپ باقايلى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇدەيىل ئۇلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ ئېيقانلىرىنى ئەينەن يەتكۈزدى، بۇنى ئاڭلاپ قۇرەيش دائىرلىرى ئىشنىڭ تىگى-تەكتىنى ئۇقۇش ئۈچۈن مىكرەز ئىبنى ھەپسىنى ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مىكىرەزنى يىراقتىن كۆرۈپ: «بۇ قارا يۈز ئالدامچى ئادەم » دېدى. مىكرەز كېلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن سۆھبەتلەشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بۇدەيلىگە دېگەنلىرىنى ئەينەن تەكرارلىدى. مىكرەز بېرىپ قۇرەيش دائىرلىرىنى ۋاقىپلاندۇردى.
قۇرەيش ئەلچىلىرى
مىكرەز ئىبنى ھەپىس قۇرەيشلەرگە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن كەنانە قەبىلىسىدىن(ھەليس ئىبنى ئەلقەمە ئىسىملىك) بىر كىشى تۇرۇپ: «ماڭا ئىجازەت قىلىڭلار، مەن ئۇنىڭ قېشىغا ئۆزەم بېرىپ كېلەي» دېدى، ئۇلار: «بېرىپ كەلگىن» دېيىشتى. ئۇ مۇسۇلمانلار تۇرۇۋاتقان جايغا يىراقتىن كۆرۈنۈپ كېلىۋىدى رەسۇلۇللاھ: «بۇ كىشى قۇربانلىق ماللارنى ئۇلۇغلايدىغان قەۋملەردىن، ئۇنىڭ ئالدىغا تۆگىلەرنى ھەيدەپ قويۇڭلار» دېدى، ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ دىگىنىدەك قىلدى ۋە ئۆزلىرىمۇ لەببەيكە ۋە تەكبىر ئېيتىپ ئۇنى قارشى ئالدى، بۇنى كۆرگەن ھەليس تەئەججۇپلىنىپ: «سۇبھاناللاھ(ئاللاھ ئەيىپ نۇقساندىن پاك مۇنەززەھتۇر) بۇلارنى بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشتىن تۇسۇش لايىق ئەمەسكەن» دېدى ۋە رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئادملىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ: «قۇربانلىق تۆگىلەرگە قىلادە ئېسىپ قۇيۇلغانلىقىنى ۋە ھەممىسىگە ئەن سېلىپ بەلگە قىلىنغانلىقىنى كۆردۇم، مىنىڭچە ئۇلارنى ھەج قىلىشتىن تۇسۇشقا بولمايدۇ» دېگەنىدى بۇ سۆز ئۈچۈن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.
بۇ چاغدا سەقىف قەبىلىسىدىن ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇد سەقەفى سۆز قىلىپ: «بۇ ئادەم سىلەرگە دانا تەكلىپ بېرىپتۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ماڭا ئىجازەت بەرسەڭلار ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ كەلسەم» دېۋىدى، ئۇلار: «بېرىپ كەل»، دېيىشتى. ئورۋە كېلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن سۆھبەتلەشتى سۆھبەت داۋامىدا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا دېگەن سۆزلىرىنى قايتا تەكرارلىدى. بۇنى ئاڭلاپ ئورۋە: «ئى مۇھەممەد ئوز قەۋمى-جەمەتىڭنى قىرىپ تاشلاي دەمسەن؟ ئەرەبلەردىن ئۆز پۇشتى جەمەتىنى خانىۋەيران قىلغان بىر ئادەمنى ئاڭلىغانمۇ سەن؟ ناۋادا مەغلۇبىيەت ساڭا يۈزلەنسىچۇ، ئەزبىرايى خۇدا ئادەملىرىڭنىڭ چىرايىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساياق ئاققۇن ئادەملەردەك قىلىدۇ، ئۇلار سېنى تاشلاپ قاچارمىكى؟ دېگەنىدى. ئەبۇ بەكرى ئۇنىڭ گېپىگە جاۋابەن: «لاتا، ئاناڭنىڭ جىگدىسىنى ئەم، ۋابال تەككۇر! سېنىڭچە بىز رەسۇلۇللاھنى تاشلاپ قاچىدىغاندەك كۆرۈنەمدىكەنمىز؟» دەپ ئاچچىقلاندى. ئورۋە: «ئەگەر مەندە مەن ساڭا تېخىغىچە قايتۇرۇش پۇرسىتى بولمىغان ياخشىلىقىڭ بولمىغان بولسىدى، ئەلۋەتتە جاۋاب قايتۇراتتىم» دېدى ۋە رەسۇلۇللاھ بىلەن كەسكىن جاۋابلىشىپ سۆزلەشكىلى تۇردى. ئۇ ھەدىسىلا رەسۇلۇللاھنىڭ ساقىلغا قول ئۇزارتىۋاتاتتى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا مۇغىرە ئىبنى شۇئبە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) قولىدا شەمشەر، بېشىدا دۇبۇلغا كەيگەن ھالدا مۇھاپىزەتتە تۇرۇۋاتاتتى. قاچانكى ئورۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ساقىلىغا قول ئۇزارتسا موغيرە ئۇنىڭ قولىغا قىلىچنىڭ دەستىسى بىلەن «پاك» قىلىپ ئۇرۇپ، «تارت قولۇڭنى» دەيتتى. ئۇرۋە بېشىنى كۆتۈرۈپ: «بۇ كىم» دەپ سورىدى كىشىلەر: «موغىرە ئىبنى شۇئبە» دېگەنىدى، ئۇ :«ۋاي ئالدامچى خائىن، سىنىڭ تېرىپ قويغان خىيانىتىڭ ئۈچۈن ھازىرمۇ بەدەل تۆلەۋاتىمەن» دېدى. مۇغىيرە مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئالدىدا بىر قانچە ئادەمگە ھەمرا بولۇپ سەپەرگە چىققان ۋە بىر يەرگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن ئاندىن مەدىنىگە كېلىپ مۇسۇلمان بولغانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن: «سېنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقىڭنى قۇبۇل قىلىمەن، ئەمما ئېلىپ كەلگەن مېلىڭنى مەن تونۇمايمەن» دېگەنىدى.(مۇغىيرە مەزكۇر ئورۋەنىڭ بىر تۇققان قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ئىدى).
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئورۋە يەنە ساھابىلەرنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقى ۋە ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى ۋە ئۆز ئادەملىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ: «ئى جامائەت مەن ئاتاقلىق پادىشاھلار ۋە كاتتا ئەربابلارنىڭ قېشىغا ئەلچى بولۇپ بارغان، قەيسەر، كىسرا ۋە نەجاشىلارنىڭ ھوزۇرىدا بولغانىدىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن مۇھەممەدنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغىنىدەك بۇ شاھلارنىڭ ھېچ قايسى بىرىگە ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەزبىرايى خۇدا، ئۇلار ئۇنىڭ تۇكۇرگەن تۇكۇرىكىنىمۇ قەتئى يەرگە چۈشۈرمەيدىكەن، ئۇ تۇكۇرگىلى تەمشەلسە، نەچچە ئون كىشى ئالقانلىرىنى تەڭلەپ يۈز-كۆزلىرىگە تەبەرۈك قىلىپ سۈرتىۋالىدىكەن، بىرەر ئىشقا بۇيرىسا بەس-بەس بىلەن ئورۇنداشقا ئالدىرايدىكەن، تاھارەت ئالماقچى بولسا كىشىلەر تاھارەت سۇيىنى تالىشىپ نۆۋەتلىشىدىكەن، ھەتتا ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكىدىن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىمايدىكەن، ئۇ سىلەرگە ئوبدان تەكلىپ بېرىپتۇ، ئۇنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل كۆرۈڭلار» دېدى.
ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى
قۇرەيش تەرەپتىن ئۇرۇش خۇمار بىر قانچە ئەسەبى تەنتەك ياش باشلىقلىرىنىڭ سۈلھى تۈزۈشكە مايىل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سۈلھى كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان مۇۋاپىق بىر تەدبىر ئۈستىدە ئويلاندى، ئاخىرى ئۇلار كىچىلەپ چىقىپ مۇسۇلمانلار بارىگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇش پىلىكىگە ئوت يېقىش ئىرادىسىگە كەلدى ۋە مۇشۇ مەقسەتتە ئۇلاردىن يەتمىش سەكسەندەك ياش تەشكىللىنىپ تەنئىم تېغىنى بويلاپ كېلىپ مەخپى رەۋىشتە مۇسۇلمانلار بارىگاھىغا تېگىش قىلماقچى بولدى، بىراق ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن مۇسۇلمانلار مۇھاپىزەتچى قوشۇننىڭ قوماندانى مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە تەرىپىدىن سېزىلىپ قېلىپ ئۇلارنىڭ بىرىمۇ قالماي قولغا چۈشتى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن سۈلھى كىلىشىم ئىشلىرىغا توسالغۇ بولمىسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىپ ئۆز يولغا قويۇۋەتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ﴿ وَھُوَ الَّۇِي كَفَّ ۆَيْدِيَھُمْ ىَنكُمْ وَۆَيْدِيَكُمْ ىَنْھُم بِبَطْنِ مَكَّەَ مِن بَىْدِ ۆَنْ ۆَئْفَرَكُمْ ىَلَيْھِمْ وَكَانَ اللَّھُ بِمَا تَىْمَلُونَ بَپِيرًا ﴾ «اللھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە (يەنى ھۇدەيبىيىدە) سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى،اللھ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» سۈرە فەتھى 24- ئايەت نى نازىل قىلدى.
ئوسمان ئىبنى ئەففان قۇرەيش تەرەپكە ئەلچى بولۇپ باردى
بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ قۇرەيش تەرەپكە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ۋە بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئاساسىي نىشانىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن مەككىگە بىر ئەلچى كىرگۈزۈشنى ئويلىدى. شۇڭا ئۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى چاقىرىپ مەككىگە كىرگۈزمەكچى بولغانىدى، ئۆمەر: «ئى رەسۇلۇللاھ ئەگەر مەن مەككىدە زەربىگە ئۇچرىسام بەنى كەئەب جەمەتىدىن ماڭا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئادەم يوق، شۇڭا سەن ئوسمان ئىبنى ئەففاننى ئەۋەتكىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ھەممىسى مەككىدە، ئەلچىلىكنىمۇ ئوبدان قاملاشتۇرىدۇ» دەپ ئۆزرە ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئوسماننى چاقىرىپ ئۇنى قۇرەيش تەرەپكە ئەلچىلىككە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە: «قۇرەيش تەرەپكە بىزنىڭ ئۇرۇشقىلى كەلمىگەنلىكىمىزنى، پەقەت ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈنلا كەلگەنلىكىمىزنى ئۇقتۇرغىن ۋە ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغىن» دېدى ھەمدە ئۇنى مەككىدىكى بارلىق مۇئمىن ئەر-ئاياللار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا پەتھى بىشارىتىنى يەتكۈزۇشكە ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئىمانىنى يوشۇرۇپ يۈرمىسۇن ئۈچۈن ئۇلارغا ئاللاھ بۇ دىننى مەككە تۇپرىقىدا ھامان ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا بۇيرىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەلچى بولۇپ مەككىگە يۈرۈپ كەتتى، ھەتتا بىر چاغدا بەلدەھە دېگەن يەرگە بېرىۋىدى ئۇ يەردە قۇرەيشلەردىن بەزى كىشىلەرنى ئۈچراتتى ئۇلار: «نەگە كېتىۋاتىسەن؟» دەپ سورىغان ئىدى ئوسمان: «رەسۇلۇللاھ مېنى ئەلچىلىككە ئەۋەتتى» دېدى، ئۇلار: « ئاق يول بولسۇن، يولۇڭغا راۋان بولغىن» دېيىشتى. ئەببان ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاس دېگەن كىشى ئوسماننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنى قارشى ئالدى. ئاندىن ئۇنىڭغا باش پاناھ بولۇپ، ئېتىنى توقۇپ ئوسماننى مىندۈردى، ئۆزى ئاتنىڭ كەينىگە مىندى. شۇنداق قىلىپ ئوسمان مەككىگە كېلىپ قۇرەيش دائىرلىرىگە ئەلچىلىكنى يەتكۈزدى ۋە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن قۇرەيش تەرەپ ئۇنى بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىپ قايتىشقا تەكلىپ قىلغانىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ تاۋاپ قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشمۈگۈچە ئۆزى يالغۇز تاۋاپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بەيتۇللاھنى يالغۇز تاۋاپ قىلىشقا ئۇنىمىدى.
ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە يالغان خەۋەر تارقالغانلىقى ۋە رىزۋان بەيئىتى
قۇرەيش تەرەپ ئوسمان ئىبنى ئەففاننى بىر ئاز ساقلىتىپ قويدى(قارىغاندا ئۇلار ھازىرقى ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلىشىپ بىر مەۋقەگە باش قوشۇۋېلىشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئوسمان ئېلىپ كەلگەن ئەلچىلىككە مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنى كېچىكتۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن) ئۇ مولچەردىكىدىن زىيادە كېچىكىپ قالدى، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئوسمان ئۆلتۈرۈلۇپتۇ دېگەن خەۋەر تارقالدى، رەسۇلۇللاھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ: «بىز ئۇلار بىلەن تېغمۇ-تىغ ئېلىشمىغۇچە ھەرگىز قايتمايمىز» دېدى ئاندىن ساھابىلەرنى چاقىرىپ ھەممەيلەن بەيئەت(ھايات-ماماتلىق ئەھدى) بېرىشكە چاقىردى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھقا بەيئەت بېرىش ھەرىكىتى قوزغىلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى: «قەتئى قاچماسلىققا» بەيئەت بەردى ئايرىم بىر بۆلۈكلىرى: «ئاخىرقى نەپەسقىچە جەڭ قىلىشقا» دەپ بەيئەت بەردى. رەسۇلۇللاھقا تۇنجى بولۇپ ئەبۇ سىنان ئەلئە سەدى بەيئەت قىلدى، ئارقىدىن سەلىمە ئىبنى ئەكۋە ئۆلۈمگە بەيئەت قىلدى ئۇ بىركۈندە ئۈچ قېتىم، ئەتىگەندە بىر، چۈشتە بىر ۋە كەچتە بىر قېتىم بەيئەت بېرىپ ئۆلگىچە ئېلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، رەسۇلۇللاھ ئوڭ قولىنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ: «مانا بۇ ئوسمان ئۈچۈن» دېدى، بەيئەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئوسمان كېلىپ ئۆزى قايتا بەيئەت بەردى بۇ قېتىمقى بەيئەتتىن جەددى ئىبنى قەيىس ئىسىملىك بىر مۇناپىقلا ئايرىلىپ قالغانىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ بەيئەتنى شۇ يەردىكى بىر تۇپ دەرەخ تۇۋىدە ئالغانىدى. ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتاتتى، مەئقەل ئىبنى يەسار شۇ دەرەخنىڭ بىر نوتىسىنى تۇتۇپ كىشىلەرنىڭ بەيئىتىنى رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزەتتى، مانا بۇ ئاللاھ تۆۋەندىكى ﴿لَقَدْ رَگِيَ اللَّھُ ىَنِ الْمُۋْمِنِينَ إِۇْ يُبَايِىُونَكَ تَچْتَ الشَّجَرَەِ﴾ «اللھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيىدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى» (سۈرە فەتىھ 18- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)شۇ قېتىمقى بەيئەت ھەققىدە ئايەت نازىل بولغان رىزۋان بەيئىتىدۇر.
سۈلھى )كېلىشىم(نىڭ ئىمزالىنىشى ۋە ئۇنىڭ ماددىلىرى
ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ئەلچىلىكدىن قۇرەيش تەرەپ ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇپ يەتتى چېغى، ئۇلار دەرھال سوھەيل ئىبنى ئەمىرنى سۈلھى كېلىشىم تۈزۈشكە ئەۋەتتى، ئۇلار سۇھەيلىگە: «ئەرەبلەر ‹مۇھەممەد بۇ يىل زورلۇق كۈچى بىلەن مەككىگە كىرىپتۇ› دېگەندەك سۆز چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇھەممەدنىڭ بۇ يىل قايىتىپ كېتىشىنى چوقۇم كېلىشىمگە كىرگۈزۈشنى تاپىلىدى. سۇھەيل يېتىپ كېلىۋىدى، رەسۇللاھ ئۇنى كۆرۈپ: «ئىشىڭلار يەڭگىللەشتى، ئۇلار سۇھەيىلنى ئەۋەتكىنىگە قارىغاندا چوقۇم سۈلھىنى تاللاپتۇ» دېدى. سۇھەيىل يېتىپ كېلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەشتى سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى تەرەپ سۈلھى كېلىشىمنىڭ تۆۋەندىكى ماددىلىرىغا ئورتاق بىرلىككە كېلىشتى.
1- رەسۇلۇللاھ (تەرەپ) بۇ يىل مەككىگە كىرمەي قايتىدۇ، كېلەر يىلى قايتا كېلىپ مەككىدە پەقەت ئۈچ كۈنلا تۇرىدۇ. ھەرەمگە مۇساپىرلار ھەمرا قىلىدىغان ياراق ۋە قىنىغا سېلىنغان قىلىچتىن باشقا ھەر قانداق قورال-ياراق ئېلىپ كىرمەيدۇ، قۇرەيش تەرەپ بۇلارنىڭ ھەج تاۋاپ ئىشلىرىغا ھېچقانداق توسالغۇ ۋە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزمەيدۇ.
2- ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئون يىل ئۇرۇش توختىتىلىدۇ، بۇ مۇددەتتە ئىككى تەرەپ خەلقلىرى بىر-بىرىدىن ئەمىن بولىدۇ ۋە كونا ئاداۋەت ۋە زىددىيەتلىرىنى كولاشمايدۇ.
3- ھەر قايسى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ مەيلى مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىگە كىرىشى ياكى قۇرەيش تەرەپنىڭ ھىمايىسىگە كىرىشى شۇ خەلقنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىشىغا قويىلىدۇ. ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ قايسى بىرسىنىڭ ھىمايىسىگە كىرگەن قەبىلە خەلقى شۇ تەرەپنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ قەبىلىگە قىلىنغان ھەر قانداق يولسىزلىق شۇ تەرەپكە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ھېسابلىنىدۇ.
4- قۇرەيش تەرەپتىن ئىگە-چاقىلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز(قېچىپ) كەلگەن ھەر قانداق بىر ئەر قۇرەيش تەرەپكە شەرتسىز قايتۇرىلىدۇ، ئەمما مۇسۇلمانلار تەرەپتىن ئۇلار تەرەپكە قېچىپ بارسا ئۇلار ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ.
كېلىشىمنامىنىڭ ماددىلىرىغا ئىككى تەرەپ ئورتاق بىرلىككە كېلىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنى چاقىرىپ شەرتنامىنى يېزىشقا بۇيرىدى. ئەلى قولىغا دۈۋەت ۋە سىيانى ئېلىپ: « بِسْمِ اللّھِ الرّچْمـَنِ الرّچِيمِ» «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دەپ يازغانىدى، سوھەيىل بىز: « الرَّچْمـَنِ » دېگەن سۆزنى ئەزبىرايى خۇدا تۇنۇمايمىز، سەن ئۇ يەرنى «بِسْمك اللھم» «سىنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ئى ئاللاھ! بۇ ئىشىمنى باشلايمەن» دەپ يازغىن» دېدى(بۇ ئۇلارنىڭ تەۋەرۇك سۆزى ئىدى) پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئەلىنى سوھەيىلنىڭ دېگىنىدەك يېزىشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەلى: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام شۇنىڭغا سۈلھى قىلىدۇكى»دەپ يازغانىدى سوھەيىل رەسۇلۇللاھقا: «بىز سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئېتىراپ قىلغان بولساق، سەن بىلەن ئۇرۇشۇپ بەيتۇللادىن توسۇپ يۈرمەيتتۇق. شۇڭا: «مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا» دەپ يازغىن دېدى، پەيغەمبەر (ئەلەيـھىسسالام) ئۇنىڭغا مېنى گەرچە ئىنكار قىلساڭلارمۇ مەن يەنىلا ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرىدۇرمەن» دېدىيۇ ئەلىينى سوھەيىلنىڭ دېگىنىدەك يېزىشقا ۋە كېلىشىمدىكى «رەسۇلۇللاھ» دېگەن سۆزنى ئۆچۈرىۋېتىشكە بۇيرىدى. ئەلى: «مەن بۇ سۆزنى مەڭگۈ ئۈچۈرمەيمەن» دەپ تۇرىۋالغانىدى، رەسۇلۇللاھ ھېلىقى سۆزنى ئۆز قولى بىلەن ئۆچۈردى، ئاندىن يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ھۆججەتنى پۈتكۈزدى. كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن خۇزائە قەبىلىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ھىمايىسىگە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى(ئۇلار كىتابىمىزنىڭ بېشىدا ئېيتقىنىمىزدەك ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ بەنى ھاشىم جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى. بۇ قېتىمقىسى ئەمدى ئاشۇ كونا ئەھدىنى پۇختىلاش بولدى) بەنى بەكرى قەبىلىسى قۇرەيشلەرنىڭ ھىمايىسىگە كىردى.
ئەبۇ جەندەلنىڭ قايتۇرۇلۇشى
سۇلھى ھۆججىتى پۈتۈلۈۋاتقان پەيتتە قۇرەيش ۋەكىلى سوھەيىل ئىبنى ئەمىرنىڭ ئوغلى ئەبۇ جەندەل كويزا-كىشەنلىرىنى سۆرەپ مەككىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن چىقىپ كېلىپ مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئۆزىنى ئاتتى، سۇھەيىل بۇنى كۆرۈپ: «مانا بۇ قايتۇرۇشقا تېگىشلىك تۇنجى ئىش» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «بىز تېخى سولـھى ھۆججىتىنى پۈتۈشۈپ بولمىدۇققۇ؟» دېگەنىدى، سوھەيىل: «ئۇنداقتا مەن سەن بىلەن ھېچقانداق كېلىشىم ئىمزالىمايمەن» دەپ تۇرۇۋالدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ماڭا قالدۇرغىن» دېگەنىدى، سۇھەيىل: «ئۇنى ساڭا مەڭگۈ قالدۇرالمايمەن» دېدى، رەسۇلۇللاھ قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان بولسىمۇ سوھەيىل ئۇنىمىدى، سەھەيىل ئوغلىنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە ھەدەپ ئۇراتتى ۋە ئۇنى مەككىگە قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ گەجگىسىدىن تۇتۇپ سۆرەيتتى، ئەبۇ جەندەل جېنىنىڭ بارىچە توۋلاپ: «ئى مۇسۇلمان قېرىنداشلار، مېنى دىنىمدىن ياندۇرىدىغان كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بېرەمسىلەر؟!» دەيتتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: «ئى ئەبۇ جەندەل! سەبرى قىلغىن، نارازى بولمىغىن، ئاللاھ ساڭا ۋە ساڭا ئوخشاش زۇلۇم قىلىنغان مۇسۇلمانلارغا پات يېقىندا چوقۇم ئەمىنلىك ۋە چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ. بىز ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزەپتۇق. ھەر ئىككى تەرەپ ئاللاھنى ئارىغا سېلىپ تۇرۇپ ئەھدى بېرىشىپتۇق، ئەمدى بىز ئەھدىمىزدە تۇرمىساق بولمايدۇ» دېدى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ سەكرەپ بېرىپ ئەبۇ جەندەل بىلەن بىردەم بىللە ماڭدى ۋە: «سەبرى قىل ئەبۇجەندەل! مۇشرىكلارنىڭ ھەر قاندىغىنىڭ قېنى ئىتنىڭ قېنى بىلەن باراۋەر» دىگەچ قىلىچىنىڭ ساپلىقىنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ ماڭاتتى، ئۆمەر: «ئەبۇ جەندەل قىلىچنى ئېلىپ ئاتىسىغا سالارمىكىن دىسەم بۇ ئادەمنىڭ ئاتىسىغا كۆزى قىيمىدى. كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولۇپ كەتتى»، دېگەن.
قۇربانلىق ماللارنى زەبھى قىلىپ، باش چۈشۈرۈش ۋە ئۆمرە ئېھرامىدىن چىقىش
سۇلھى ھۆججىتى ئىمزلىنىپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە: «تۇرۇڭلار قۇربانلىق تۆگىلىرىڭلارنى زەبھى قىلىڭلار» دېدى. ئەزبىرايى خۇدا رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان بولسىمۇ، بىرمۇ ئادەم ئىجرا قىلىشقا تەمشەلمىدى، رەسۇلۇللاھ بۇ جىمجىتلىقنى كۆرۈپ ئايالى ئوممى سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا كىرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ گەپ ئاڭلىمىغانلىقىغا كايىدى، ئۇممى سەلىمە: «ئى رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلىشىنى خالامسەن؟ ئۇنداقتا ئالدى بىلەن ئۆزەڭ چىقىپ قۇربانلىقىڭنى زەبھى قىلغىن ۋە ساتىراچنى چاقىرىپ چاچلىرىڭنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىققىن دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئوممى سەلىمەنىڭ يېنىدىن چىققان پېتى ھېچ كىمگە قارىماي بېرىپ قۇربانلىقىنى زەبھى قىلدى ۋە ساتىراچنى چاقىرىپ چېچىنى ئالدۇردى. ساھابىلار بۇنى كۆرۈپ قۇربانلىقلىرىنى بەس-بەستە زەبھى قىلدى ۋە ئۆزئارا چاچلىرىنى ئالدۇرۇشتى. ئۇلار قاتتىق دەرد-ئەلەم چىكىۋاتقاندەك قىلاتتى. تۆگە كالىلارنى ئوخشاشلا يەتتە ئادەم بىر تۆگە ياكى بىر كالا قۇربانلىق قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مۇشرىكلارغا ئوبدانراق ئەلەم قىلىش ئۈچۈن ئەبۇ جەھىلنىڭ بەدرى ئۇرۇشىدا ئولجا ئېلىنغان، كۈمۈش بورۇن تورۇقلۇق قىزىل نار(ئەركەك) تۆگىسىنى قۇربانلىق قىلدى.
رەسۇلۇللاھ چاچلىرىنى چۈشۈرگۈچىلەرگە ئۈچ قېتىم، قىرقىتقانلارغا بىر قېتىم مەغپىرەت تىلىدى. مۇشۇ سەپەردە يەنە ئاللاھ كەئەب ئىبنى ئۇجرە قاتارلىق مەلۇم ئىللەت تۈپەيلى چېچىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدۇرغانلارغا روزا تۇتۇش سەدىقە بېرىش ۋە ياكى باشقا پائالىيەتلەرنى قوشۇپ ئادا قىلىش بىلەن كاپارەت تۆلەشنى نازىل قىلدى.
مۇھاجىر ئاياللارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەكلىۋىنىڭ رەت قىلىنىشى
ئارقىدىنلا بىر قانچە مۇئمىن ئايال يېتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئۇلارنىڭ ئىگە-چاقىلىرى كېلىپ ھۇدەيبىيە شەرتنامىسىگە ئاساسەن بۇ خوتۇن-قىزلارنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىۋى شەرتنامىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدىكى ماددىسىدا« بىز تەرەپتىن ھەر قانداق بىر ئەر سىلەر تەرەپكە قېچىپ بارسا، گەرچە مۇسۇلمان بولسىمۇ ئۇنى شەرتسىز قايتۇرۇپ بېرىسىلەر» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ يەردە ئايال كىشى قەتئى تىلغا ئېلىنمىغان، دېگەن پاكىت بىلەن رەت قىلىۋېتىلدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە: ﴿يَا ۆَيُّھَا الَّۇِينَ ژمَنُوا إِۇَا جَاءكُمُ الْمُۋْمِنَاتُ مُھَاجِرَاتٍ فَامْتَچِنُوھُنَّ اللَّھُ ۆَىْلَمُ بِإِيمَانِھِنَّ فَإِنْ ىَلِمْتُمُوھُنَّ مُۋْمِنَاتٍ فَلَا تَرْجِىُوھُنَّ إِلَۈ الْكُفَّارِ لَا ھُنَّ چِلٌّ لَّھُمْ وَلَا ھُمْ يَچِلُّونَ لَھُنَّ وَژتُوھُم مَّا ۆَنفَقُوا وَلَا جُنَاچَ ىَلَيْكُمْ ۆَن تَنكِچُوھُنَّ إِۇَا ژتَيْتُمُوھُنَّ ۆُجُورَھُنَّ وَلَا تُمْسِكُوا بِىِپَمِ الْكَوَافِرِ﴾ «ئى مۇئمىنلەر! سىلەرگە مۇئمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى اللھ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى (سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۇئمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار» سۈرە مۇمتەھىنە»(سۈرە مۇمتەھىنە 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)دېگەن ئايەتكىچە نازىل قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇئمىن ئاياللارنى ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىگە ئاساسەن ئىمتىھان قىلاتتى «؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ 749- بەت ؟؟؟؟؟؟» تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇشۇ شەرتلەرگە كۆنگەنلىرىگە رەسۇلۇللاھ: «سېنىڭ بەيئىتىڭنى قوبۇل قىلدىم»، دەيتتى ۋە ئۇلارنى مۇشرىكلارغا قايتۇرۇپ بەرمەيتتى.
مۇسۇلمانلار يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ھۆكۈمى بويىچە نىكاھىدىكى كاپىر خوتۇنلىرىنى تالاق قىلىۋەتتى. ئۆمەرمۇ شۇ كۈنى شېرىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئىككى خوتۇننى قويۇۋەتكەن، ئۇلارنىڭ بىرىنى مۇئاۋىيە، يەنە بىرىنى سەپۋان ئىبنى ئومەييە نىكاھىغا ئالغان.
كېلىشىمنامىنىڭ ماددىلىرى نىمىلەرنى ئۇقتۇرىدۇ؟
مانا بۇلار ھودەيبىيە سۈلھىسى (كېلىشىمى) نىڭ تەپسىلاتىدۇر. بۇ كېلىشىمنامە ماددىلىرىنى ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ توغرا تەھلىل قىلغان ۋە توغرا ئانالىز قىلغان ھەر قانداق بىر كىشى بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىشىنىڭ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن غايەت زور غەلىبە ۋە چوڭ مۇۋەپپەقىيەت بولغانلىقىغا شەك قىلمايدۇ.
چۈنكى قۇرەيشلەر بۇندىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنى ئېتىراپ قىلمايتتى. بەلكى،تېخى مۇسۇلمانلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇتۇش ئۇلارنىڭ پىلانى ۋە ئاساسىي نىشانى ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھامان بىر كۈن گۇمران بولۇشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۆتەتتى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى دىنىي داھىي ۋە سىياسىي رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئەرەب جەمئىيىتىدە ئومۇملىشىپ قېلىشىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمدى بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ سولھىگە مايىل بولغانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ۋە قۇرەيشنى مەركەز قىلغان بارلىق كۇپرى گۇماشتىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا قارشىلىق كۆرسۇتۇش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى ئۇقتۇراتتى. كېلىشىمنامىنىڭ ئۈچىنچى ماددىسى قۇرەيش تەرەپ ئۆزلىرى دەۋا قىلىپ يۈرگەن سىياسىي ئورنىنى ۋە دىنىي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئەمدى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى، ئۇلار ھازىر ئۆزىنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن پۇتكۇل جەمئىيەت، ھەتتا پۇتۇن ئەرەب ئارىلى مۇسۇلمان بولۇپ كەتسىمۇ قۇرەيشلەر ھېچقانداق يول بىلەن ئارىلاشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قۇرەيشلەرگە نىسبەتەن ئېغىر مەغلۇبىيەت، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن چوڭ غەلىبە.
بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، مۇسۇلمانلار دۈشمەن كۈچلەر بىلەن قانلىق توقۇنۇشلار ئارقىلىق ئاخىر يېتىدىغان نىشان ھەرگىز قارشى تەرەپنىڭ مال-دۇنيالىرىنى بۇلاپ-تالاپ مۇسادىرە قىلىۋېلىش، ئادەملىرى ئۆلتۈرۈپ قىرغىن قىلىش ۋە ياكى ئۇلارغا ئىسلام دىنىنى مەجبۇرى تېڭىپ قوبۇل قىلىشقا زورلاش بولماستىن، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئۇرۇشلاردىكى قانلىق بەدەللەرنى تۆلەشتىكى بىردىن بىر مەقسىدى كىشىلەر ئۈچۈن دىن تاللاشتا ۋە ئېتىقادى تونۇش ھاسىل قىلىشتا «خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ھېچقانداق بىر زالىم كۈچ ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە توسالغۇ بولمايدىغان مۇكەممەل ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىك ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ۋەھالەنكى بۇ نىشان شۇنداق مۇكەممەل رەۋىشتە ئىشقا ئاشتىكى بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئادەتتە زور كۈچ، قۇدرەتلىك ھەربىي قوشۇن بىلەنمۇ ئېرىشىش مۇمكىن بولمايتتى. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى سۈلھى ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئاشۇ ھۆرلۈك ئۈچۈن دەۋەت قىلىشتا ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. ئالايلى مۇشۇ كېلىشىم ئىمزالىنىشنىڭ ئالدىدا مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ سانى ئۈچ مىڭدىن ئاشمايتتى، ئىككى يىلدىن كېيىن مەككە پەتھىسى(ئىشغالىيتى) يۈرۈشىدە ئىسلام قوشۇننىڭ ئۇمۇمىي سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
كېلىشىمنامىنىڭ ئىككىنچى ماددىسى يەنىلا مۇشۇ قېتىم مۇسۇلمانلار قولغا كەلتۈرگەن ئاشۇ زور غەلىبىنىڭ تولۇقلىمىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئەڭ دەسلەپ ئۇرۇشنى مۇسۇلمانلار باشلىغان ئەمەس بەلكى ئۇرۇشنى قۇرەيش كاپىرلىرى مۇسۇلمانلارغا زورلاپ تاڭغانىدى، ئاللاھۇتائالا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ:«؟؟؟؟؟؟؟ 751 ؟؟؟؟؟؟؟؟» تەرجىمىسى «ئۇلار تۇنجى بولۇپ سىلەرگە ئوت ئاچتى» دېگەنىدى. مۇسۇلمانلار قوزغىغان چوڭ-كىچىك ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئالساق، ئۇ پەقەت قۇرەيشلەرنىڭ زومىگەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن كىشىلەرنى توسۇشىنى توختىتىش، ئۇلار بىلەن تەڭلىك ۋە باراۋەرلىك ئورنىتىپ، ھەممەيلەن ئۆزى تاللىغان يولدا مېڭىش شارائىتىنى يارىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمدى مانا ئون يىللىق ئۇرۇش توخىۇتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئورۇنسىز چوڭچىلىقلىرىنى ۋە ئىسلامى دەۋەتكە يولسىزلىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن چەكلىگەنلىكدۇر. قىسقىسى، ئۇلار چاغلىماي كاچات ئېتىپ تەستەك يىگەنلىكنىڭ ھەتتا دەرەخكە چىقىپ چۈشەلمەي قالغانلىقىنىڭ پاكىتىدۇر.
كېلىشىمنامىنىڭ بىرىنچى ماددىسى قۇرەيشلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى مەسچىدىلھەرامدىن تۇسۇشىغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىدۇر. بۇمۇ ھەم قۇرەيشلەر ئۈچۈن مەغلۇبىيەت، ئەلۋەتتە. ئالايلى قۇرەيش تەرەپ بۇ ماددىدا مۇسۇلمانلارنى بۇ يىل مەككىگە كىرمەي قايتىپ كېتىش تەلىۋىگە كۆندۈرەلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قۇرەيشلەرنىڭ مەنپەتىگەۋەكىللىك قىلىدىغان ئالاھىدە بىر شەرت قويالمىغان.
قۇرەيش تەرەپ يۇقىرىقى ئۈچ جەھەتتە مۇسۇلمانلارغا يول قويۇپ بېرىپ ئۇنىڭ بەدىلىگە تۆتىنچى ماددىدىكى بىرلا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشىۋالغان بولدى، خالاس. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇلار ئېرىشكەن بۇ ئىمتىيازمۇ ئىنتايىن بىمەنە، ئەھمىيەتسىز ئىمتىياز بولۇپ ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلچە زىيان-زەخمىتى تەگمەيتتى. ئالايلى ھەممىگە ئايانكى، مۇسۇلمان ئادەم ئۇ مۇسۇلمانلا بولىدىكەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئىسلام تەۋەلىكىدىن ھەرگىز قاچمايدۇ، ئۇ قاچماقچى بولسا چوقۇم ئاشكارا ياكى مەخپى رەۋىشتە دىندىن چىقىپ مۇرتەد بولۇپ ئاندىن قاچىدۇ. ئۇنداق مۇرتەدنىڭ مۇسۇلمانلارغا كېرىكى يوق، بەلكى تېخى ئۇنداق مۇرتەدنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيتىدىن تېزرەك يوقالغانلىقى بۇ يەردە ئىشپىيۇن بولۇپ تۇرغىنىدىن كۆپ ياخشى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ: «بىزدىن يۈز ئۆرىگەنلەرنى ئاللاھ يىراق قىلسۇن» دېگەن سۆزى شۇنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما مەككىلىكلەردىن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ گەرچە مەدىنىگە بېرىپ پانالىنىش يولى ئېتىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرىغۇ؟ ئالايلى، ئەينى چاغدا مەدىنە ئاھالىسى ئىسلام دىنىنى تونۇمايدىغان ۋاقىتتىلا ھەبەش زېمىنى مۇسۇلمانلارغا قوينىنى كەڭ ئاچقانغۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «مەككىلىكلەردىن مۇسۇلمان بولغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ئۆز دەرگاھىدىن ئاسانلىق ۋە مۇۋاپىق چىقىش يولى ئاتا قىلغۇسى» دېگىنى دەل مۇشۇنى كۆزدە تۇتقان.
كېلىشىمدە قۇرەيش تەرەپ ئۆز ئەتراپى تەۋەلىكىنى شۇ دەرىجىدە قوغداپ كەتكەنلىكى گەرچە ئۆزىنىڭ ئىززەت ئابرويىنى قوغدىغاندەك تۈس بەرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇلارنىڭ قاتتىق چۆچىگەنلىكىدىن، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىدىن، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇددىستلىق مەۋجۇدىيتىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ. گويا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇدىيتىنى غۇلاپ چۈشۈش گىردابىغا بېرىپ قالغاندەك، شۇڭا مۇشۇنداق چىڭ تۇتمىسسا قەتئى بولمايدىغاندەك ۋەزىيەتنى ھېس قىلىشقاندەك قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلاردىن قۇرەيش تەرەپكە قېچىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۋالماسلىققا دادىل يول قويۇشى ئۇنىڭ ئۆز تەۋەلىكىنى مۇستەھكەملەشتە پەقەت ئىماننىڭ ھاياتى كۈچىگە تايىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇ بۇنداق شەرتلەرگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر ئەلبەتتە.
مۇسۇلمانلارنىڭ قايغۇرىشى ۋە ئۆمەرنىڭ نارازىلىقى
خوش… مانا بۇلار ھودەيبىيە سۈلھىسىدىكى ئاساسلىق ماددىلارنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان ئەسرار ۋە ھەقىقەتلەردۇر. لېكىن بۇ يەردە مۇنداق ئىككى ئىش مۇسۇلمانلارنى غەم-قايغۇغا غەرق قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ بىرى: رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە: «بىز پات-پۇرسەتتە بەيتۇللاغا بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىمىز» دەپ ئۇقتۇرغان، ئەجەبا ئۇ ئەمدى بەيتۇللاغا كىرمەي قايتماقچى بولۇپ قالدىغۇ؟!
يەنە بىرى: «ئۇ ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى تۇرسا، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتسا ۋەھالەنكى ئاللاھنىڭ ئۆز دىنىنى ھامان غالىب قىلىشقا ۋەدىسى بولسا نېمە دەپ رەسۇلۇللاھ قۇرەيش تەرەپنىڭ يولسىز شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ؟ نېمە دەپ سۈلھىدە تەڭسىزلىككە يول قويىدۇ؟ مانا بۇ ئىككى سوئال، شەك-شۇبھىسىزكى غەم-قايغۇ ۋە ئوي خىياللارنىڭ ئاساسىي مەنبىئى ئىدى. مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا مۇسۇلمانلارنىڭ روھى چۈشۈپ سۈلھى ماددىلىرىنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان غەلىبىلەرنى ئويلىماي ئەكسىچە قايغۇ-ھەسرەت كىشەنلىرىگە باغلاندى. ساھابىلەر ئىچىدە ھەممىدىن بەك قايغۇرۇپ ئازاپ تارتقان كىشى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ بولسا كىرەك. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز ھەق(يول) ئۈستىدە، ئۇلار باتىل (يول) ئۈستىدە ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، ئەلۋەتتە شۇنداق» دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، ئۇ: «بىزدىن ئۆلگەنلەر جەننەتتە، ئۇلاردىن ئۆلگەنلەر دوزاختا بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، شۇنداق» دېدى. ئۇ: «ئەمىسە نېمە دەپ دىنىمىز ھەققىدە خورلۇققا (ئېغىر شەرتلەرگە) يول قويىمىز؟ نېمىشقا ئاللاھنىڭ بىز بىلەن مۇشرىكلار ئۆتتۈرىسىنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتمەي تۇرۇپ قايتىپ كېتىمىز؟» دەپ رەسۇلۇللاھ بىلەن تاقارىشىپ تۇرىۋالدى، بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: «ئى ئۆمەر! مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلالمايمەن. ئاللاھ ماڭا نۇسرەت ئاتا قىلغۇچى، ئۇ مېنى ھەگىز تاشلىۋەتمەيدۇ» دېدى. ئۆمەر: «سەن بىزگە بەيتۇللاغا بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىمىز دېگەنتىڭغۇ؟» دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: «توغرا، مەن ساڭا مۇشۇ يىل چوقۇم ھەج تاۋاپ قىلىمىز دېگەنمىدىم؟» دەپ سورىدى. ئۆمەر: «ياق» دېدى، رەسۇلۇللاھ: «توغرا، سەن ئۇنىڭغا چوقۇم كېلىپ تاۋاپ قىلىسەن» دېدى.
ئاندىن ئۆمەر ئاچچىقىنى يەنە باسالماي ئەبۇ بەكرىنىڭ قېشىغا كېلىپ رەسۇلۇللاھقا دېگەنلىرىنى ئۇنىڭغا قايتا دېدى، ئەبۇ بەكرى ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ دېگەندەك جاۋاب قايتۇردى ۋە: «ئۇنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلغىن، ئەزبىرايى خۇدا ئۇ ھەق ئۈستىدە» دېگەن گەپنى قوشۇپ قويدى. ئاندىن ئاللاھ : ﴿إِنَّا فَتَچْنَا لَكَ فَتْچًا مُّبِينًا﴾ «بىز ساڭا روشەن بىر غەلىبە ئاتا قىلدۇق» دېگەن سۈرىنى نازىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۆمەرنى چاقىرتىپ بۇ سۈرىنى ئۇقۇپ بەرگەنىدى، ئۆمەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ(ھۇدەيبىيە سۈلھىسى) پەيھى(غەلىبە)مۇ؟» دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىۋىدى ئۆمەرنىڭ كۆڭلى كۆكسى ئېچىلىپ يايراپ كەتتى.
كېيىن ئۆمەر بۇ قىلغانلىرىغا كۆپ پۇشايمان قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «مەن شۇ قېتىم ئالدىراقسانلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمەللەرنى قىلدىم، سەدىقە بەردىم، روزا تۇتتىم، ناماز ئوقۇدۇم ۋە قۇل ئازات قىلدىم ۋە ئويلاپ يەتتىمكى ئېھتىمال ئاشۇ قىلغانلىرىممۇ مەن ئۈچۈن ياخشى بوپتىكەن».
توختىتىپ قويۇلغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل بولدى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەنىدى، مەككىدىكى مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى مەدىنىگە قېچىپ كەلدى. ئۇ كىشىنىڭ ئىسىمى ئەبۇ بەسىر (سەقىف قەبىلىسىدىن) بولۇپ، قۇرەيشلەرنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى. ئۇلار ئۇنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ئىككى ئادەمنى ئەۋەتىپ ئادىمىنى ئەكەتمەكچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئەبۇ بەسىرنى ھېلىقى ئىككى ئەلچىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئەلچىلەر ئەبۇ بەسىرنى ئېلىپ زۇلـھۇلەيفىگە كەلگەندە چۈشۈپ، بىر يەردە يېنىدىكى خورمىلىرىنى تۆكۈپ يېيىشكە باشلىدى. ئەبۇ بەسىر ئۇلارنىڭ بىرىنى گەپكە سېلىپ: «ئەزبىرايى خۇدا، ئى پالانى يېنىڭدىكى بۇ قىلىچىڭ بەك بەلەندەك قىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلچىلەرنىڭ يەنە بىرى ھېلىقى قېلىچنى قولىغا ئېلىپ قېنىدىن سۇغۇرۇپ: «راستكەن، ھەقىقەتەن قۇچى بەلەن قىلىچ ئىكەن» دېدى. بۇ چاغدا ئەبۇ بەسىر: «ئەكىلە! مەن كۆرۈپ باقاي» دېگەنىدى ئۇ قىلىچنى ئەبۇ بەسىرگە تۇتقۇزۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەسىر گاچ ئۇرۇپلا ئۇنى موللاق ئەتكۈزۈۋەتتى. يەنە بىرى قېچىپ مەدىنىگە يېنىپ بېرىپ ئۇدۇل مەسچىتكە كىردى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆرۈپ : «بۇ ئادەم چوقۇم بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپتۇ» دېدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «مىنىڭ ھەمراھىم ئۆلتۈرۈلدى، مەنمۇ تاسلا قالدىم» دېدى. ئارقىدىنلا ئەبۇ بەسىر كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ سېنى ۋەدەڭگە ۋاپا قىلدۇردى، سەن مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ، ئاندىن ئاللاھ مىنىمۇ قۇتقازدى» دېدى. پەيغەمبەر ئەليھىسسالام ئۇنىڭغا: «ۋاي ۋابال تەككۈر! يەنە بىر ئادىمى بولغان بولسا ئۇرۇش قوزغار ئىكەن» دېدى.
ئەبۇ بەسىر بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «رەسۇلۇللاھ مېنى ئۇلارغا ھامان قايتۇرۇپ بېرىدىكەن» دەپ قاراپ مەدىنىدىن چىقىپ كەتتى ۋە قىزىل دىڭىز بويىدىن سەيفۇل بەھرى دېگەن يەرگە كېلىپ چۈشتى ئارقىدىنلا ئەبۇ جەندەل ئىبنى سوھەيىل قېچىپ چىقىپ ئەبۇ بەسىرگە قوشۇلدى، شۇنداق قىلىپ مەككىدىن مۇسۇلمان بولۇپ قېچىپ چىققانلا كىشى ئەبۇ بەسىرنىڭ سېپىگە قېتىلىپ ئاخىرى ئۇ يەردە كۈچى خېلى زور بىر قوشۇن تەشكىللىنىپ قالدى، ئۇلار مەككىدىن شامغا ماڭغان قۇرەيش كارۋىنى بايقالسىلا ئالدىنى توسۇپ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ ماللىرىنى بولاپ تالىغىلى باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن قۇرەيشلەر رەسۇلۇللاھقا ئاللاھنى ۋە تۇققانلىق سىلەر-رەھىمنى ئارىغا سېلىپ تۇرۇپ: «سېنىڭ يېنىڭغا بارغان ھەر قانداق كىشى ئامان بولسا» دەپ خەت يازدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ مەدىنىگە قايتۇرۇپ كەلدى.
قۇرەيشلىك بىر قانچە ئەزىمەتنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى
ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن ھىجىرىينىڭ 7- يىلى يىلنىڭ بېشىدىلا ئەمرى ئىبنى ئاس، خالىد ئىبنى ۋەلىد ۋە ئوسمان ئىبنى تەلھە قاتارلىق قۇرەيشلىك ئۈچ ئەزىمەت مۇسۇلمان بولۇپ كەلدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «مەككە بىزگە يۈرەك پارىلىرىنى تاشلاپ بېرىپتۇ» دېدى.
ئىككىنچى باسقۇچ — يېڭى بۇرۇلۇش
بۆلۈم: “ئىككىنچى باسقۇچ — يېڭى بۇرۇلۇش”ھۇدەيبىيە سۈلھىسى مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى يېڭى بىر بورۇلۇشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. ئالايلى، قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئىسلام دىنىغا قارىتا ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ ياۋۇز، ئەڭ ئەشەددى دۈشمەن ئىدى. ئۇلارنىڭ جەڭ مەيدانىدىن چىكىنىشى بىلەن دۈشمەن ئۈچ بىرلەشمە(يەنى قۇرەيش، غەتپان ۋە يەھۇدىيلار) قوشۇنىنىڭ قانىتىدىن ئەڭ كۈچلۈك بىر قانات سۇنۇپ كېرەكتىن چىقتى ۋە يەنە قۇرەيشلەر بۇددىزىمنىڭ(بۇتپەرەسلىك) ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ۋەكىللىرى ۋە پۈتۈن بۇتپەرەسلەرنىڭ دىنى داھىيلىرى بولغاچقا بىردىنلا بۇددىستلارنىڭ خورىكى جىمىپ تاجاۋۇزچىلىق ۋە زوراۋانلىق قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە سوۋۇپ كەتتى. شۇڭا غەتپان بەدەۋى قاراقچىلىرىنىڭ مۇشۇ سۈلھى (كېلىشىمنامە) ئىمزالانغاندىن كېيىن چوڭ مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن دۈشمەن كۈچلەر سادىر قىلغان ئەكسىيەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت يەھۇدىيلارنىڭ كۇشكۇرتىشىدىن كېلىپ چىقتى، خالاس.
يەھۇدىيلار يەسرەپ (مەدىنە مۇنەۋۋەر)دىن سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزلىرىگە خەيبەرنى ئىغۋاگەرچىلىك ۋە سۇيقەستچىلىك ئۇۋىسى قىلىپ بېكىتكەنىدى. ئۇلارنىڭ چوڭ كاتتىۋاش شەيتانلىرى بۇ مەككارلىق ئۇۋىسىدا قۇرتلاپ، ھەرىدەك تارقىلىپ، چاياندەك زەھەر چېچىپ، مەدىنە ئەتراپىدىكى بەدىۋى ئەرەبلەرنى رەسۇلۇللاھنى ۋە مۇسۇلمانلارنى يوقىتىشقا مۇمكىن بولمىغاندىمۇ ئۇلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىشقا كۈشكۈرتۈپ، كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، تىنماي تىپىرلىماقتا ئىدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ھۇدەيبىيە سۈلھىسىنى ئىمزالاپ قايتىپ كەلگەنىدىن كېيىنلا، باسقان تۇنجى قەدىمى ئاشۇ بەدۋىلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى (پىلانلىغۇچىسى بولغان) يەھۇدىي ئۇۋىسىغا زەربە بېرىپ، ئۇنى چۇۋۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت بولدى.
ھاسىل كالام، ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن باشلانغان بۇ دەۋر خاراكتىرلىك يېڭى بۇرۇلۇش، مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دەۋىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تارقىتىش ۋە كەڭ كۇشادە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزۈش قىزغىنلىقى يېڭى بىر كەيپىياتقا كۆتۈرۈلدى.
شۇڭا بىز بۇ يېڭى بۇرۇلۇش دەۋرى باسقۇچىنى مۇنداق ئىككى قىسىمغا بۆلۈشىمىز مۇمكىن.
1. دىنى دەۋەت ساھەسىدىكى جانلىنىش يەنى پادىشاھ ۋە ئەمىرلەرگە مەكتۇپ يوللاش دەۋرى باسقۇچى.
2. ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قايتا جانلاندۇرۇش باسقۇچى.
خوش، ئەمدى بىز ئاشۇ يېڭى باسقۇچتا جانلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىشنىڭ ئالدىدا ئەتراپتىكى پادىشاھ-ئەمىرلەرگە مەكتۇپ يوللاش ماۋزۇلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى. چۈنكى ئىسلام دىنىدا دەۋەت ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار نۇرغۇن جەۋرى-جاپالارنى چەككەن. مۇشەققەتلىك ئۇرۇش، داۋالغۇش ۋە مالىمانچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن.
ئەتراپتىكى پادىشاھ ۋە ئەمىرلەرگە مەكتۇپ يوللاش
ھىجرىيە 6-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى، رەسۇلۇللاھ ھۇدەيبىيىدىن قايتىپ كېلىپلا ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەرنىڭ پادىشاھ ۋە ئەمىرلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئىشىنى باشلىۋەتتى. رەسۇلۇللاھ مەكتۇپ يوللىماقچى بولغاندا پادىشاھ-ئەمىرلەرنىڭ مۆھۈر بېسىلمىغان مەكتۇپلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى، شۇڭا ئۇ كۈمۈشتىن بىر مۆھۈر ياسىتىپ ئۇنىڭغا «مچمد رسول اللھ» (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد) دېگەن خەتنى ئويدۇردى. مۆھۈرنىڭ خېتى تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئۈچ قاتار قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، «مچمد» دېگەن خەت مۆھۈرنىڭ تۆۋەن قۇرىغا، «رسول» دېگەن خەت مۆھۈر يۈزىنىڭ ئوتتۇر قۇرىغا ۋە «ئاللاھ » دېگەن خەت مۆھۈر يۈزىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى قۇرىغا تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە ئويۇلغانىدى.
ھەمدە مۇشۇ مەقسەتتە رەسۇلۇللاھ ساھابىلەردىن بىلىملىك ھەم پەم-پاراسەتلىك بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تاللاپ ئاشۇ پادىشاھلارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. ئەللامە مەنسۇرفورى: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ ئەلچىلەرنى خەيبەر غازىتىغا ئاتلىنىشنىڭ ئالدىدا ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى مۇھەررەم (1-ئاي)نىڭ بېشىدايولغا سالغان»، دەپ جەزم قىلدى. تۆۋەندە ئاشۇ مەكتۇپلارنىڭ تولۇق تېكىستلىرىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى بايان قىلىمىز.
1-ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىغا مەكتۇپ يوللاش
نەجاشىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەسھەمە ئىبنى ئەبجەر ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغا ھىجرىيە 6- يىلنىڭ ئاخىرلىرى ياكى 7-يىلى مۇھەررەم نىڭ بېشىدا ئەمرى ئىبنى ئومەييە توززەمەرىدىن مەكتۇپ يوللىدى، ئىمام تەبەرى بۇ قېتىمقى مەكتۇپنىڭ تولۇق تېكىستىنى زىكرى قىلغانىدى، لېكىن ئۇ زىكرى قىلغان تېكىستنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت بىلەن نەزەر سالغاندا ئۇنىڭ زىكرى قىلغىنى رەسۇلۇللاھ ھۇدەيبىيىدىن كېيىن يەنى مۇشۇ قېتىم يوللىغان مەكتۇپنىڭ ئەسلى تېكىستى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مەككىدە چېغىدا جەئفەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغاندا شۇنىڭدىن يوللىغان مەكتۇپنىڭ تېكىستى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولىدۇ. چۈنكى، ئىمام تەبەرى زىكرى قىلغان مەكتۇپنىڭ تېكىستىدە ئاشۇ مۇھاجىرلار توغرىلىق مۇنداق بايانلار قىستۇرۇلغان: «سىز تەرەپكە تاغامنىڭ ئوغلى جەئفەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىر بۆلۈك مۇھاجىر مۇسۇلمانلارنى ئەۋەتتىم، ئۇلار يېتىپ بارسا شەپقەت كۆزىڭىز بىلەن قاراپ قويغايسىز، يەكلەپ زۇلۇم-سىتەم قىلمىغايسىز، ۋەسسالام»دېگەنىدى.
ئىمام بەيھەقى ئىبنى ئىسھاقتىن رەسۇلۇللانىڭ نەجاشىغا يوللىغان مەكتۇبىنىڭ تولۇق تېكىستىنى تۆۋەندىكىدەك نەقىل قىلدى:
بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ ھەبەشىستان چوڭى ئەسھەمە نەجاشىغا يوللىغان مەكتۇبىدۇر.
توغرا ھىدايەتكە ئەگىشىپ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ يەككە-يىگانە، شېرىكى يوق، خوتۇن ۋە بالىغا ھاجەت ئەمەس ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە سالام! مەن سېنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. مەن ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرىدۇرمەن، مۇسۇلمان بولساڭ ئامان بولىسەن، ئى ئەھلى كىتابلار! پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۇرمەسلىك ۋە ئاللاھنى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى ئىلاھ قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى ئورتاق بىر خىل ئەقىدە)گە ھۆرمەت قىلايلى. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرىسە(يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار دەڭلار، ئەگەر بۇنىڭدىن باش تارتساڭ خەلقىڭ ئىچىدىكى بارلىق خرىستىئانلارنىڭ گۇناھى ساڭا يۈكلىنىدۇ.
ئاتاقلىق دىنى ئۆلىما، تەتقىقاتچى، دوكتۇر ھۇمەيدۇللا (پارىژ) يېقىندا بايقالغان مۇنداق بىىر مەكتۇبنىڭ تېكىستىنى ئېلان قىلدى. ئىبنى قەييۇم بۇ تېكىستنى ئازراق ئۆزگىرىش بىلەن نەقىل قىلدى. جانابى دوكتۇر ھۇمەيدۇللاھ بۇ تېكىستنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ناھايتى كۆپ ئەجىرلەرنى سىڭدۇرۇپ، ھازىرقى زامان كەشپىيات، تەجرىبىلىرىدىنمۇ پايدىلىنىپ مەزكۇر تېكىستنى مۇنداق رەۋىشتە بايان قىلدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن ھەبەشىسىتان چوڭى نەجاشىغا:
توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە سالام!. سالامدىن سوڭرە، مەن ئاللاھنى شۇنداق مەدھىيىلەيمەنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بارلىق كائىناتنىڭ ئىگىسىدۇر. ئەيىپ نۇقساندىن پاك-مۇنەززەھتۇر، ئىنسانىيەتكە سالامەتچىلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، مۆئمىنلەرنى ئازاپتىن خالاس قىلغۇچىدۇر، بىرلا ۋاقىتتا ھەممە شەيئىگە تەڭلا نازارەت قىلغۇچىدۇر ۋە گۇۋاھلىق بىرىمەنكى مەريەم ئوغلى ئسا(ئەلەيـھىسسالام) ئاللاھنىڭ روھى ۋە كەلىمە(سۆزى)سى دۇركى ئاللاھ ئۇنى ياتلىق بولۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىپپەتلىك، تېگى پاك مەريەمگە ئىلقا (تاشلاش) قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىيساغا ئېغىر ئاياق بولدى. ئاللاھ ئۆز قولى بىلەن ئادەم ئاتىنى ياراتقاندەك، ئىسانى ئۆز روھى كەلىمىسى بىلەن ياراتتى، مەن سېنى شېرىكى يوق بىر ئاللاھقا ئىشىنىشكە، ئۇنىڭ ئىتائىتىگە بىرلىككە كېلىشكە ، ماڭا ئەگىشىشكە، ۋە ماڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىشكە چاقىرىمەن. مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرمەن، مەن سېنى ۋە سېنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىڭنى ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىمەن. مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزدۇم ۋە نەسىھەت قىلدىم، نەسىھىتىمنى قوبۇل قىلىڭلار! توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە سالام.
دوكتۇر ھۇمەيدۇللاھ بۇ مەكتۇپ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ھۇدەيبىيەدىن قايتىپ كېلىپلا نەجاشىغا يوللىغان مەكتۇپنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدۇر، دەپ تەكىتلىدى. دەلىل پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ تېكىستنىڭ توغرىلىقىدا شەك-شۇبھە يوق، لېكىن ھۇدەيبىيدىن كېيىنلا يوللانغان مەكتۇپ مۇشۇ شۇ دەپ ئېيتالمايمىز. چۈنكى، ئىمام بەيھەقى ئىبنى ئىسھاقتىن نەقىل كەلتۇرگىنى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ھۇدەيبىيدىن قايتىپ كەلگەنىدىن كېيىن قوشنا ئەل پادىشاھلىرىغا ۋە ياكى خىرىستىئان ئەمىرلىرىگە يوللىغان مەكتۇپلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدا « ئى ئەھلى كىتاب! ھەممىمىز ئورتاق بىر ئەقىدىگە كېلەيلى» دېگەن ئايەت كەرىم كىرگۈزۈلگەن، ئەمەلىيەتتىمۇ رەسۇلۇللاھ مەزكۇر ئايەتنى شۇ مەزگىلدە يوللىغان مەكتۇپلىرىنىڭ ھەممىسىگە كىرگۈزەتتى. بۇنىڭدا يەنە «ئەسھەمە» دېگەن ئىسىم ئوچۇق يېزىلغان، ئەمما دوكتۇر ھومەيدۇللا ھۇدەيبىيدىن كېيىن يوللىغان مەكتۇپنىڭ تېكىستى دەپ كەلتۇرگىنى بەلكىم ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئەسھەمە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋەلى ئەھدىسىگە يوللىغان مەكتۇپى بولۇشىمۇ مۇمكىن، شۇڭىمۇ بۇ مەكتۇپتا «ئەسھەمە» دېگەن ئىسىم ساقىت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.
مېنىڭ مۇشۇنداق تەھلىل قىلىشىمغا پەقەت ئاشۇ مەكتۇپلارنىڭ تېكىستى ئىپادىلىگەن ئىچكى دەلىل-ئىسپاتتىن باشقا ھېچقانداق دەلىلى قەتئىي يوق.
ئەڭ ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئىمام بەيھەقى ئىبنى ئىسھاقتىن نەقىل كەلتۇرگەن مەكتۇپنىڭ تېكىستىدە ئەسھەمە دېگەن ئىسىم ئېنىق يېزىلغان تۇرۇقلۇق دوكتۇر ھۇمەيدۇللاھ ئۇنى «بۇ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئەسھەمە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋەلى ئەھدىسىگە يوللىغان مەكتۇبىنىڭ تېكىستىدۇر» دەپ جەزم قىلدى.
خوش … ئەلچى ئەمرى ئىبنى ئومەييە زەمەرى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ نەجاشىغا يوللىغان مەكتۇبىنى ساق-سالامەت ئاپىرىپ تاپشۇرۇپ بېرىۋىدى، نەجاشى ئۇنى ناھايتى ئالىي ئىھتىرام بىلەن قولىغا ئېلىپ كۆزىگە سۇرتتى ۋە تەختىدىن چۈشۈپ ھۆرمەت بەجا كەلتۈردى. ئاندىن جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىبنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولۇپ رەسۇلۇللاھقا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ خەت يازدى. ئۇنىڭ خېتىنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىدەك ئىدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدكە ئەسھەمە نەجاشىدىن سالام. ئى رەسۇلۇللاھ ساڭا ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەركاتى بولسۇنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر.
سالامدىن كېيىن مەلۇم بولغايكى، ئى رەسۇلۇللاھ ماڭا سېنىڭ ئىيسا ئەلەيـھىسسالام ھەققىدە يوللىغان مەكتۇبىڭ تەگدى. ئاسمان زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى ئىيسا سەن تەۋسىپلىگەنىدىن كەم-زىيادە ئەمەستۇر. ئۇ بەئەينى سەن دېگەندەك. بىز ئەۋەتكەن مەكتۇپىڭدىن ۋاقىپلاندۇق، تاغاڭنىڭ ئوغلىنى ھۆرمەتلىدۇق ۋە ئۇنىڭ ئىززىتىنى ياخشى قىلدۇق، گۇۋاھلىق بىرىمەنكى سەن ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرىدۇرسەن، ساڭا بەيئەت قىلدىم ۋە تاغاڭنىڭ ئوغلىغا بەيئەت قىلدىم ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدۇم ۋە سالام!
دېيىلگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام نەجاشىدىن جەئفەر ۋە ئۇنىڭ شۇ يەردىكى ھەمراھلىرىنى مەدىنىگە يولغا سېلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغانىدى، نەجاشى ئۇلارنى ئەمرى ئىبنى ئومەييە زەمەرى بىلەن مەخسۇس ئىككى كېمە تەييارلاپ يولغا سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمرى ئۇلارنى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا باشلاپ كەلدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ خەيبەردە ئىدى. مەزكۇر نەجاشى ھىجىرىيىنىڭ 9- يىلى رەجەپ (7-ئاي)دا تەبۇك غازىتىدىن كېيىنلا ئالەمدىن ئۆتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇ ۋاپات قىلغان كۈنى ئەسھابىلەرگە خەۋەر قىلغانىدى ۋە ئۇنىڭغا غائىبانە نامىزىنى چۈشۈرگەنىدى. نەجاشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر پادىشاھ تەخىتكە چىقىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغا يەنە قايتا مەكتۇپ يوللىدى. ئۇ مۇسۇلمان بولدىمۇ يوق، ئۇ بىزگە نامەلۇمدۇر.
2-مىسىر پادىشاھى مۇقەۋقىسقا مەكتۇپ يوللاش
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام يەنە مىسىر ۋە ئىسكەندەرىيەنىڭ پادىشاھى مۇقەۋقىسقا (تۇلۇق ئىسىمى جەرەىج ئىبنى مەتتا)غا مەكتۇپ يوللىدى. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەنىدى.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن.
ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن قىبتىلارنىڭ كاتتىسى مۇقەۋقىسقا:
توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە سالام. سالامدىن كېيىن مەن سېنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن، مۇسۇلمان بولغىن، ئامان بولىسەن. ئاللاھ ساڭا ئىككى ھەسسە ساۋاپ ئاتا قىلىدۇ. مۇسۇلمان بولۇشتىن باش تارتساڭ بارلىق قىبتىلەرنىڭ گۇناھى ساڭا يۈكلىنىدۇ.
«ئى ئەھلى كىتاب پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۇرمەسلىك ۋە ئاللاھنى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى ئىلاھ قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىر ئەقىدىگە) ھۆرمەت قىلايلى. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرىسە(يەنى بۇنى قۇبۇل قىلمىسا) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۈۋاھ بولۇڭلار، دەڭلار».
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ مەكتۇپنى يەتكۈزۈشكە ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئەنى تاللىدى ۋە بۇ خەتنى ئۇنىڭدىن يولغا سالدى.
ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە مىسىرغا بېرىپ مۇقەۋقىس بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا: «بۇ يەرلەردە سەندىن بۇرۇن ئۆزىنى «بۈيۈك پەرۋەردىگار» دۋالغان(يەنى پىرئەۋىننى دىمەكچى-ت) بىر ئادەم ئۆتكەنىدى، ئاللاھ ئۇنى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى رەۋا كۆرمىدى، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالدى. شۇڭا سەن باشقىلاردىن ئىبرەت(ئاچچىق ساۋاق) ئالغىن، باشقىلار سەندىن ئىبرەت ئالمىسۇن» دېدى. مۇقەۋقىس ئۇنىڭغا جاۋابەن: «بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىپ كىلىۋاتقان دىنىمىز بار، ئۇنى تاشلىيالمايمىز. بىراق ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بولسا ……. »دېۋىدى. بۇ چاغدا ھاتەپ: «بىز سېنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىمىز ئاللاھ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق دىنى ئەمەلنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام) كىشىلەرنى ئاشۇ دىنغا چاقىردى، ئۇلانىڭ ئىچىدە بۇ دىنغا ھەممىدىن بەك قارشى چىققىنى قۇرەيشلىكلەر بولدى ۋە بۇ دىنغا قارىتا ئىلمى مۇئامىلىدە بولغىنى نەسارالار(خىرىستئان)لار بولدى»، دېدى.
مۇسا ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئىيسا (ئەلەيـھىسسالام) بىلەن بەرگەن بىشارىتى ئىيسا(ئەلەيـھىسسالام)نىڭ مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام) بىلەن بەرگەن بىشارىتىگە ئوپئۇخشاشتۇر. بىزنىڭ سېنى قۇرئانغا دەۋەت قىلىشىمىز سېنىڭ ئەھلى تەۋرات(يەنى يەھۇدىيلار)نى ئىنجىلغا دەۋەت قىلغىنىڭغا ئوخشاشتۇر. ھەر قانداق بىر پەيغەمبەر قايسى خەلققە ئەلچىلىككە ئەۋەتىلسە ئۇلار شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇممىتى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. سەنمۇ مۇشۇ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىكى تابىيلارنىڭ بىرى. بىز سېنى مەسىھ (ئىيسا) ئەلەيـھىسسالامنىڭ دىنىدىن توسمايمىز، بەلكى ئۇنىڭ توغرا تەرىپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيمىز» دەپ سۆزىنى ئاياغلاشتۇرغانىدى، مۇقەۋقىس: «مەن بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئىشلىرىغا نەزەر سېلىپ كۆردۈم. ئۇ يامان ئىشلارغا بۇيرىماپتۇ، ياخشى ئىشلاردىن ھېچقايسىسىنى توسماپتۇ. ئۇ ئازغۇن سېھىرگەر ۋە ياكى چىراغچى كاھىن ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭدا يوشۇرۇن غائىب ئىشلارنى، مەخپى-يېپىق سىرلارنى ئاللاھقا مۇناجات قىلىش بىلەن رېئال ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشتەك پەيغەمبەرلىك مۆجىزىلىرىنى سەزدىم. مەن يەنە ياخشىراق ئويلاپ كۆرەي» دېدى-دە رەسۇلۇللاھنىڭ مەكتۇپىنى قولىغا ئېلىپ پىل سۆڭىكىدىن ياسالغان ئېسىل بىر قاچىغا سېلىپ ئاغزىنى ئىتىپ يېنىدىكى بىر چۆرىگە بەردى ۋە ئەرەبچە يازالايدىغان بىر مىرزىنى چاقىرىتىپ رەسۇلۇللاھقا مۇنداق مەكتۇپ يازدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن
قىبتلەرنىڭ چوڭى مۇقەۋقىستىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاغا سالام:
سالامدىن كېيىن مەلۇم بولغايكى يوللىغان مەكتۇبىڭنى ئۇقۇپ ئۇنىڭدا نېمىگە دەۋەت قىلغانلىقىڭدىن ۋاقىپ بولدۇم. مەن پەيغەمبەر كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما شامدىن چىقىدۇ دەپ ئويلايتىم. ئەلچىڭنى ھۆرمەتلىدىم ۋە ئۇنىڭدىن ساڭا قىبتلەر ئىچىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئىككى كېنىزەكنى ۋە كىيىم-كىچەك ئەۋەتتىم قوبۇل قىلغايسەن ۋە ساڭا ئاتاپ بىر خېچىر ئەۋەتتىم مىنىپ كۆرگەيسەن ۋەسسالام.
ئۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىپادە بىلدۈرمىدى ھەم مۇسۇلمان بولغانلىقىنىمۇ ئىېلان قىلمىدى. ئۇنىڭ ئەۋەتكەن ئىككى كىنىزىكى بىرى مارىيە يەنە بىرى سيرىن ئىدى. خېچىر بولسا رەسۇلۇللاھ ئۆزى ئەتىۋارلاپ مىنگەن دۇلدۇل شۇ بولۇپ ھەزرىتى مۇئاۋىيەنىڭ زامانىغىچە ھايات ئىدى. مارىيەنى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئەمرىگە ئېلىپ مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسىلىق شەرىپىگە ئېرىشكەن ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىبراھىم دېگەن ئوغلىنى تۇغۇپ بەرگەن، ئەمما سىيرىن دېگەن كېنىزەكنى ھەسسان ئىبنى سابىتقا بېرىۋەتكەن.
3-( پارىس)ئىران( شاھى كىسراغا مەكتۇپ يوللاش
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام پارىس(ئىران) شاھى كىسراغا مۇنداق مەزمۇندا مەكتۇپ يوللىدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن پارسنىڭ كاتتىسى كىسراغا:
توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ۋە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» دەپ شاھادەت ئېيتقانلارغا سالام:
مەن سېنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. مەن بارلىق ئىنسانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن(دىلى) تىرىك كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كاپىرلارغا ئازاپ ھەققىدىكى سۆزنىڭ ھەقلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇرمەن. مۇسۇلمان بولساڭ ئامان بولىسەن، ئەگەر باش تارتساڭ پۇتۇن مەجۇسى (ئاتەشپەرەس)لەرنىڭ گۇناھى ساڭا يۈكلىنىدۇ».
رەسۇلۇللاھ بۇ مەكتۇپنى ئەۋەتىش ئۈچۈن ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافە سەھمىنى تاللىدى. ئابدۇللاھ بۇ مەكتۇپنى ئاپىرىپ بەھرەيىننىڭ چوڭىغا تاپشۇرۇپ بەردى. بەھرەيىنىڭ چوڭى بۇ مەكتۇپنى ئۆز ئادەملىرى ئارقىلىق كىسراغا يوللاپ بەردىمۇ؟ ياكى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافىنىڭ ئۆزىنى ئەۋەتتىمۇ؟ بىزگە ئېنىق ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن ھەر ھالدا مەكتۇپ كىسرانىڭ قولىغا تىگىپ پارىسچىغا ئۆرۈپ ئوقۇپ بېرىلىۋىدى، ئۇ مەكتۇپنى يىرتىپ تاشلاپ مەغرۇر قىياپەتتە: «مېنىڭ پۇقرالىرىمدىن بىر ئاددى پۇقرا قانداقسىگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى مېنىڭ ئىسمىمدىن بۇرۇن تىلغا ئېلىشقا پېتىنىپتۇ؟!» دەپ ئەزۋەيلەپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام كىسرانىڭ بۇ مەكتۇپقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئاڭلاپ: «ئاللاھ ئۇنىڭ خاندانلىقىنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن!» دېگەنىدى، ئۇنىڭ سەلتەنىتى راستلا گۇمران بولدى. كىسرا بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق ۋالىيسى «بازان»غا خەت يېزىپ جەسۇر چەبدەس ئادەمدىن ئىككىنى ئەۋەتىپ، ھىجاز تەۋەسىدىن چىققان ئاشۇ ئادەم (رەسۇلۇللاھنى دىمەكچى— ت) نى ھۇزۇرۇمغا تاپشۇرۇپ بەرگەيسەن» دەپ بۇيرىغانىدى. بازان يېنىدىكى ئادەملىرىدىن راسا يېتىشكەن ئىككى نەۋكەرنى تاللاپ خەت بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. ئۇ خېتىدە رەسۇلۇللاھقا مەزكۇر ئىككى كىشىگە قارشىلىق كۆرسەتمەي، ئىرانغا بېرىپ خان بىلەن كۆرۈشۈشكە بۇيرىغان ئىدى. نەۋەكەرلەر مەدىنىگە كېلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىرسى: «شاھىنشاھ (يەنى پادىشاھى ئالەم) كىسرا پادىشاھىمىز بازانغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ سېنى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ بېرىشكە پەرمان قىلغانىكەن، شۇڭا بازان بىزنى سېنى ئىرانغا ئاپىرىپ كىسراغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئەۋەتتى» دېدى ۋە نۇرغۇن تەھدىت گەپلەرنى قىلدى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇلارنى: «ئەتە كۆرۈشەيلى» دەپ چىقىرىۋەتتى. دەل شۇ سائەت، شۇ مىنۇتلاردا ئىران ئارمىيىسى رۇم ئارمىيىسى تەرىپىدىن پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە يولۇقۇش بىلەن تەڭ كىسرا خان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كىسراغا قارشى قانلىق سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، كىسرانىڭ ئوغلى شىرۋەيىھ ئاتىسىغا قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئۇنى ئۆلتۈرۇپ بارلىق ھوقۇق ۋە سەلتەنىتىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغانىدى. بۇ ئەھۋال ھىجىرىيىنىڭ 7-يىلى جەمەدىيەلئولا (5-ئاي)نىڭ 10- كۈنى سەيشەنبە كېچە يۈز بەرگەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇنى ۋەھىي ئارقىلىق خەۋەر تاپقانىدى. ئەلچىلەر ئەتىسى ئەتىگەن رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچرىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا بۈگۈن كېچە خان ئوردىسىدا يۈز بەرگەن پاجىئەنى سۆزلەپ بەرگەنىدى، ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپ: «نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ بىز ساڭا ئاددى چارە ئويلىشىپتۇق، سېنىڭ بۇ ئېيتقانلىرىڭنى يېزىپ خانغا مەلۇم قىلامدۇق؟» دېيىشتى، رەسۇلۇللاھ: «بولىدۇ، ئۇنى ئەلۋەتتە خەۋەرلەندۈرۈڭلار ۋە ئېيتىپ قويۇڭلار، مېنىڭ دىنىم ۋە مېنىڭ سەلتەنىتىم كىسرانىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق زېمىنلەرنى ئىگەللەيدۇ، ئاتلىق ۋە پىيادىلىك بارالىغان ھەممە يەرگە بارىدۇ. پادىشاھىڭلارغا يەنە شۇنى ئېيتىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر مۇسۇلمان بولساڭ ھوقۇقىڭنى ساقلاپ قالىسەن، ئۆز خەلقىڭنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بېرىمەن» دېدى. ئەلچىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يول يۈرۈپ ئاخىرى بازاننىڭ ئالدىغا بېرىپ توختىدى ۋە شۇ ئەسنادا يەنە بازانغا ئىران خان ئوردىسىدىن شاھزادە شىرۋەيھ ئۆز ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغانلىقى توغرىسىدا مەكتۇپ كەلدى.
مەكتۇپنامىدە شىرۋەيىھ مۇنداق يازغانىدى: «ئاتام ساڭا خەت يازغان ھېلىقى ئادەم توغرۇلۇق مېنىڭ پەرمانىم بولمىغۇچە ئالدىراپ ئۇنى قوزغىتىپ قويمىغىن».
مۇشۇ ۋەقە بازان قاتارلىق يەمەندە تۇرۇشلۇق ئىرانلىقلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولدى.
4-رۇم پادىشاھى قەيسەرگە مەكتۇپ يوللاش
ئىمام بۇخارى ئۇزۇن بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ رۇم پادىشاھى قەيسەرگە يوللىغان مەكتۇبىنىڭ تولۇق تېكىستىنى رىۋايەت قىلدى. تۆۋەندىكى ئۇنىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلمىسىدۇر:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن
ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەدتىن رۇمنىڭ كاتتىسى ھىرەقلىگە:
توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە سالام، مۇسۇلمان بولغىن، ئامان بولىسەن. مۇسۇلمان بولغىن ئاللاھ ساڭا ئىككى ھەسسە ساۋاپ(بىرى ئىيسا ئەلەيـھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىڭنىڭ، يەنە بىرى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامغا ئىمان كەلتۇرگەنلىكىىڭنىڭ ساۋابى) بېرىلىدۇ. ئەگەر ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈسەڭ بارلىق خەلقىڭنىڭ گۇناھى ساڭا يۈكلىنىدۇ. ئى ئەھلى كىتاب! پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا ھېچ قانداق نەرسىنى شېرىك كەلتۇرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى ئىلاھ قىلىپ تىكلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بىر ئەقىدىگە ھۆرمەت قىلايلى» دېگىن. ئەگەر بۇنى قۇبۇل قىلمىساڭلار بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار! دەڭلار» (سۈرە ئال ئىمران 64-ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ مەكتۇپنى يەتكۈزۈپ بىرىشكە دىھيە ئىبنى خولەيفەتۇلكەلىبنى تاللىدى ۋە ئۇنى ئاۋۋال مەكتۇپنى بۇسرا ۋالىيسىغا تاپشۇرۇپ بىرىشكە، بۇسرانىڭ ۋالىيسىنى قەيسەرگە يەتكۈزۈپ بىرىشكە ھاۋالە قىلىپ قويۇشقا بۇيرىدى.
ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ئەبۇ سۇفياننىڭ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھېلىقى ئون يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ئىمزالىغان مەزگىلدە ئەبۇسۇفيان شامدا تىجارەتتە بولۇۋاتقاندا، رۇم پادىشاھى ھىرەقلى ئۇنى قۇرەيش سودىگەرلىرى بىلەن چاقىرتىپ قوبۇل قىلغان. ئۇلار ئىيلىيا (ئىروسالىم، يەنى بەيتۇلمۇقەددەس)دىكى چاغدا پادىشاھ ئۇ يەرگە كېلىپ، ھىجازدىن كەلگەن ئەرەب سودىگەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇلارنى ئۆز مەجلىسىگە چاقىرىتىپ ئولتۇرغۇزغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدا رۇم دولىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىر-ۋۇزىرالىرى ئولتۇرغان.
ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دېگەن: پادىشاھ سورۇن ئەھلىگە دىققەت بۇيرۇقى بەرگەنىدىن كېيىن تەرجىمان ئارقىلىق:
— قايسىڭلارنىڭ نەسىبى (يەنى ئۇرۇق-تۇققانچىلىقى) ھېلىقى ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان كىشىگە يېقىنراق؟— دەپ سورىدى، مەن:
— مېنىڭ نەسىبىم ئەڭ يېقىن،— دېسەم، ئۇ مېنى ئۆزىگە يېقىن ئولتۇرۇشقا، باشقا ھەمراھلىرىمنى مېنىڭ كەينىمدە ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى. ئاندىن ئۇ تەرجىمان ئارقىلىق:
— مەن بۇنىڭدىن (يەنى ئەبۇ سۇفياندىن) ھېلىقى كىشى توغرىلىق بىر قانچە سوئال سورىماقچى، ناۋادا ئۇنىڭ گېپىگە يالغانچىلىق ئارىلىشىپ قالسا، دەرھال رەت قىلىڭلار،— دېدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇلار مېنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىدىن قورقمىسام ئىدىم، ئەلۋەتتە ئانچە-مۇنچە يالغانلارنى قېتىپ قوياتتىم. ئاندىن ئۇ مەندىن سورىدى:
— ئۇنىڭ ئاراڭلاردىكى نەسىبى قانداق؟
— نەسىبى ئېسىل نەسەب.
— ئۇنىڭ(يەنى مۇھەممەد)دىن بۇرۇن ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان كىشى بولغانمۇ؟
— ياق
— ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئىچىدە پادىشاھلىق ھوقۇقى تۇتقانلار بولغانمۇ؟
— ياق
— ئۇنىڭغا يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئەگەشتىمۇ ياكى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرمۇ؟
— تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر
— ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئازىيىۋاتامدۇ؟
— كۆپىيىۋاتىدۇ.
— ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئىچىدە ئۇنىڭ دىنىنى ياقتۇرماي يېنىۋالغانلار بارمۇ؟
— يوق
— ئۇ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۇنى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىپلىگەنمىدىڭلار؟
— ياق.
— ئۇنىڭ ئەھدىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان يېرى بارمۇ-يوق؟
— ھازىر بىز ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈشتۇق مۇشۇنىڭغا خىيانەت قىلامدۇ-يوق؟ بىلمەيمەن.
(ئەبۇ سۇفيان: «ماڭا مۇشۇ سۆزنى قوشۇپ قويۇشتىن باشقا بىر كەلىمە سۆزگە ئىمكان بولمىدى» دېگەن)
— ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلدىڭلارمۇ؟
— ھەئە، ئۇرۇش قىلدۇق.
— قايسىڭلار يەڭدىڭلار؟
— ئوخشاش بولمىدى. بەزىدە ئۇ يەڭدى، بەزىدە بىز يەڭدۇق.
— ئۇ سىلەرنى نېمىلەرگە بۇيرۇۋاتىدۇ؟
— ئۇ بىزنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئاتا-بوۋىمىزنىڭ دەۋا-دەستۇرلىرىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، ناماز ئوقۇشقا، سەدىقە بىرىشكە، راستچىل، ئىپپەتلىك بولۇشقا ۋە ئۇرۇق تۇققانلارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇۋاتىدۇ.
قەيسەر يۇقىرىقى سۇئاللاردىن كېيىن تەرجىمان ئارقىلىق ئەبۇ سوفيانغا مۇنداق دېدى:
— مۇھەممەدنىڭ نەسىبىنى سورىسام ئۇنى ئىسىل نەسەبلىك دىدىڭ، توغرا، پەيغەمبەرلەر ئىسىل نەسەبلىك بولىدۇ. ئىلگىرى ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان كىشىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتىڭ، ئەگەر پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان كىشى بولغان بولسا مۇھەممەد: «شۇنى دوراپ چىققان كىشى ئىكەن» دەيتتىم. ئۇنىڭ ئەجدادلىرىدا بىرەرسى پادىشاھ بولغانمۇ؟ دىسەم يوق دىدىڭ، شۇنداق بولسا ئەجدادىنىڭ شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلماقچى بوپتۇ»، دەيتتىم. ئۇنى بۇرۇن يالغانچىلىق بىلەن قارىلانمىغان» دېدىڭ، ئۇ كىشىلەرگە يالغان ئېيتمىغان ئىكەن ئاللاھقا ئەلۋەتتە يالغاننى توقۇمايدۇ. ئۇنىڭغا تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر ئەگىشىپتۇ، ئىنتايىن توغرا، پەيغەمبەرلەرگە تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر ئەگىشىدۇ. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، دەيسەن ئىمان ئەھلى ئەنە شۇنداق كۆپىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىچىدىن يېنىۋالغانلار يوق، دېدىڭ، شۇنداق ئىماننىڭ ھالاۋىتى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالسا ئۇلارنىڭ مەيدانى مۇستەھكەملىنىدۇ. ئۇنى ۋەدىسىگە خىيانەت قىلمىدى دەيسەن، پەيغەمبەرلەر ئەزەلدىنلا خىيانەتتىن خالى كىشىلەردۇر. ئۇ نېمىلەرگە بۇيرۇيدۇ؟ دېسەم ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۇرمەسلىككە، بۇتقا چۇقۇنماسلىققا، ناماز ئوقۇشقا، سەدىقە بېرىشكە ۋە ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرۇيدۇ» دەيسەن، ئەگەر دېگەنلىرىڭ راسىت بولسا، ئۇ مەن تۇرۇۋاتقان مۇشۇ زېمىنلەرنى پات-ئارىدا ئىگەللەيدۇ. مەن ئۇنىڭ چوقۇم چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما سىلەردىن چىقىدۇ، دەپ ئويلىمايتتىم. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىمكان بولسا چوقۇم ئۈچرىشىشقا تىرىشىمەن. ناۋادا ھازىر ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدىغان بولسام ئۇنىڭ پۇت-قولىغا سۇ تۇتۇپ ھۆرمەت بىلدۈرەتتىم»، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئەۋەتكەن مەكتۇپنى چاقىرتىپ ئوقۇشقا باشلىدى. مەكتۇپ ئوقۇلۇپ بولۇۋىدى، پادىشاھ قەيسەرنىڭ سورۇنىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ غەۋغالار كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز چىقىپ كېتىشكە ئەمىر قىلىندۇق. ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دەيدۇ: شۇنىڭ بىلەن مەن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئۆز ئادەملىرمىزگە: «ئۇ(مۇھەممەد)نىڭ ئىشى رۇم پادىشاھىنى چۆچۈتكىدەك بولۇپ قاپتا!؟» دېدىم ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ(رەسۇلۇللاھ)نىڭ ئىشى چوقۇم غەلىبىە قىلىدىكەن دېگەن ئويدا بولدۇم، ئاخىرى ئاللاھ مېنى ئىسلامغا مۇشەررەپ قىلدى.
مانا بۇ ئەبۇ سۇفياننىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ مەكتۇبىنىڭ روم پادىشاھى قەيسەردە قالدۇرغان تەسىراتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىدۇر. بۇ مەكتۇب قەيسەردە شۇنداق ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرغانلىقتىن رەسۇلۇللاھنىڭ مەكتۇبىنى ئېلىپ بارغان، ئەلچى دىھيە ئىبنى خولەيفىنى نۇرغۇن مال، ماتا ۋە كىيىم-كىچەك قاتارلىق سوۋغا-سالاملار بىلەن تارتۇقلىدى، ئەپسۇس دىھيە قايتىشىدا ھەسما دېگەن يەرگە كەلگەندە جوزام قەبىلىسىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇنىڭ يېنىدىكى جىمى نەرسىنى بولىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن دىھيەتۇلكەلىبى ئۆيىگە كىرمەي، ئۇدۇل رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ دەرھال زەيد ئىبنى ھارسنى ھەسما (ۋادلقورانىڭ چەت تەرىپىدىكى جاي)غا بەش يۈز كىشى بىلەن جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەۋەتتى. زەيد ئىبنى ھارس ھەسمادىكى بۇ قاراقچىلارغا تۇيۇقىسىز ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە مىڭ تۆگە، بەش يۈز قوي غەنىمەت ئالدى، ئاياللار ۋە بالىلاردىن يۈز ئەسىر ئېلىپ مەدىنىگە يالاپ ئېلىپ كەلدى.
ئەسلىدە رەسۇلۇللاھ بىلەن جوزام قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا ئەھدى كېلىشىم بار ئىدى، شۇڭا بۇلارنىڭ باشلىقى زەيد ئىبنى رىپائە جوزامى دەرھال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ دەۋالاشتى. زەيد ئىبنى رىفائە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، قاراقچىلار دىھيەنىڭ يولىنى توسقاندا زەيد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى دىھيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن، شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بۇ دەۋاسىنى قوبۇل قىلىپ غەنىمەت ئېلىنغان مال-مۇلۇك ۋە ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرىدى.
تارىخچىلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ قوشۇن ھۇدەيبىيە شەرتنامىسىنى ئىمزالاشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان دەپ زىكرى قىلىشىدۇ. بۇنداق دېيىش قاپقارا خاتالىق. چۈنكى قەيسەرگە مەكتۇپ يوللاش ئىشى ھۇدەيبىيە شەرتنامىسىدىن كېيىن يوللانغان شۇ جەھەتتىن ئىبنى قەييۇم(رەھمەھۇللاھۇ): «بۇ قوشۇن(يەنى زەيد ئىبنى ھارس قوشۇنىنىڭ جۇزام قەبىلىسىگە ئەۋەتىلىشى)نىڭ ھودەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىدا شەك يوق» دېدى.
5- مۇنزىر ئىبنى ساۋىغا مەكتۇپ يوللاش
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بەھرەيىننىڭ باش ۋالىيسى مونزىر ئىبنى ساۋىغا مەكتۇپ يوللاپ مەكتۇپتا ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى ۋە بۇ مەكتۇپنى ئەلائ ئىبنى ھەزرەمىدىن ئەۋەتتى. مونزىر مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھقا جاۋاب نامە يېزىپ :«ئى رەسۇلۇللاھ! مەكتۇبىڭنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بەھرەيىن خەلقىگە ئۇقۇپ بەردىم، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ مۇسۇلمان بولدى، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئىدىيىسى ھەل بولمىدى. مېنىڭ تەۋەلىكىمدە مەجۇسى(ئاتەشپەرەس)لار ۋە يەھۇدىيلار بار، بۇلار توغرسىدا نېمە قىلىشىمنى بۇيرۇيسەن» دېگەنىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ يازدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن مونزىر ئىبنى ساۋىغا سالام:
مەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق ۋە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. سالام-سىھھەتتىن كېيىن مەلۇم بولغايكى، مەن ساڭا ئاللاھنى ئەسلىتىمەن. كىمكى سەمىمىي-سادىق بولىدىكەن ئۆزىگە پايدىلىق، كىمكى مېنىڭ ئەلچىلىرىمگە ئىتائەت قىلسا ۋە ئۇلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنسا، ماڭا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. ھەر كىم ئۇلارغا سەمىمىي-ساداقەتلىك بولسا ماڭا سادىق بولغان بولىدۇ. مېنىڭ ئەلچىلىرىم سېنىڭ ياخشى تەرىپىڭنى قىلىپ كەپتۇ، مەن سېنى خەلقىڭ ئۈچۈن شەفىي (ۋەكىل) قىلدىم. مۇسۇلمان بولغانلارغا چېقىلما، مەن ئاسي گۇناھكارلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈردۈم، سەنمۇ كەچۈرگىن. سەن بىزگە سادىق بولساڭلا، سېنى ئەمىلىڭدىن ئېلىپ تاشلىمايمىز، ئۆز دىنىدا قالغان يەھۇدىي ۋە مەجۇسىلەردىن جىزيە (قوغداش كاپالەت ھەققى) ئېلىنسا بولىدۇ. ۋەسسالام.
6- يەمەننىڭ باش ۋالىيسى ھەۋزە ئىبنى ئەلىگە مەكتۇپ يوللاش
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام يەمەننىڭ باش ۋالىيسى ھەۋزە ئىبنى ئەلىگە مۇنداق مەكتۇپ يوللىدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن ھەۋزە ئىبنى ئەلىگە ۋە توغرا يولغا ئەگەشەكەنلەرگە سالام. سالامدىن كېيىن، بىلىشىڭ كېرەككى، مېنىڭ دىنىم يەر يۈزىنىڭ ھەممىسىگە تارقىلىدۇ. مۇسۇلمان بولساڭ ئامان بولىسەن ۋە سېنى يەنىلا ۋالىيلىق ئورنۇڭدا قالدۇرىمەن».
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ مەكتۇپنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سەلت ئىبنى ئەمرنى تاللىدى، سەلت رەسۇلۇللاھنىڭ مۆھۈرى بېسىلغان بۇ مەكتۇپنى ئاپىرىپ ھەۋزىگە تاپشۇرۇپ بېرىۋىدى، ھەۋزە ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ئۆز لايىقىدا ئىززەت ئىكرام قىلدى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ مەكتۇبىنى ئوقۇتۇپ ئاڭلىدى، ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ مەكتۇبىغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «سېنىڭ دەۋەت قىلغانلىرىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، ياخشى ئىشلار ئىكەن. پۈتۈن ئەرەب مەندىن تەپتارتىدۇ، شۇڭا مېنى ئىشىڭغا شېرىك قىلساڭ ساڭا ئەگىشىمەن» دەپ يازدى، ھەمدە نۇرغۇن سوغا-سالام ۋە ھەجەردە ئىشلەنگەن رەخت بىلەن تارتۇقلىدى.
سەلىت ھېلىقى نەرسە-كىرەكلەرنى ئېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ قېىشغا كېلىپ ئەھۋالنى يەتكۈزۈۋىدى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇپ كۆرۈپ: «ئۇ مەندىن بىر پارچە يەر سورسىمۇ بەرمەيمەن، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ۋە ھاكىمىيىتىمۇ ۋەيران بولىدۇ» دېدى. شۇنىڭدىن خېلى كېيىن رەسۇلۇللاھ مەككە پەتھىسىدىن قايتىپ كەلگەن چېغى ئىدى، جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغا ھەۋزەنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى يەتكۈزدى، شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «يېقىندا يەمامىدە پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىدىغان بىر كەززاپ مەيدانغا كېلىدۇ، ئاندىن ئۇ مەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يوقىتىلىدۇ» دېدى. بىرەيلەن : «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنى كىم ئۆلتۈرىدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «سەن ۋە سېنىڭ ھەمراھلىرىڭ» دەپ جاۋاب بەردى كېيىن راست شۇنداق بولدى.
7-دەمەشىقنىڭ ۋالىيسى ھارس ئىبنى ئەبى شىممىرگە مەكتۇپ يوللاش
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام دەمەشىق ۋالىسى ھارىسقا تۆۋەندىكى مەزمۇندا مەكتۇب يوللىدى :
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن ھارىس ئىبنى ئەبى شىممىرگە:
توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارغا ۋە ئاللاھنى ئېتىراپ قىلغانلارغا سالام . سالامدىن سۆڭرە، مەلۇم بولغايكى مەن سېنى شېرىكى يوق يەككە-يېگانە بىر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىمەن، شۇنداق قىلساڭ ئورنۇڭ ساقلىنىپ قالىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ مەكتۇپنى يەتكۈزۈپ بىرىشكە ئەسەد ئىبنى خۇزەيمە قەبىلىسىدىن شوجائ ئىبنى ۋەھەبنى تاللىدى. شۇجائ مەكتۇپنى ئېلىپ بېرىپ ھارىسقا تاپشۇرۇپ بېرىۋىدى ئۇ: «مېنىڭ ۋالىلىقىمنى كىم تارتىۋالالايدىكەن؟ ئۇنىڭ بىلەن مەن چوقۇم ئەسكەر تارتىپ بېرىپ ئۇرۇشىمەن» دىدى ۋە مۇسۇلمان بولماي قېلىۋەردى.
8- ئوممان پادىشاھىغا مەكتۇپ يوللاش
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئومماننىڭ پادىشاھى جەيفەر ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئەبدى(جولەندىنىڭ ئىككى ئوغلى)گە مەكتۇپ يوللىدى. مەكتۇپنىڭ تېكىستى مۇنداق ئىدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھتىن جۇلەنەندىنىڭ ئىككى ئوغلى جەيفەر ۋە ئەبدىگە:
توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە سالام. سالامدىن سوڭرە مەلۇم بولغايكى مەن سىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرىمەن. مۇسۇلمان بولساڭلار ئامان بولىسىلەر، مەن ھايات ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا، كاپىرلارغا ئاللاھنىڭ ئازاۋىنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەردۇرمەن. مۇسۇلمان بولساڭلار، ئۆز مەنسىۋىڭلاردا قالىسىلەر، ئەگەر باش تارتساڭلار ھوقۇقىڭلاردىن ئايرىلىپ قالىسىلەر، يۇرت ماكانىڭلار ئاتلىق قوشۇننىڭ تۇياق ئاستىدا قالىدۇ. مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىم تەۋەيىڭلاردا چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ»، ۋەسسالام.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسلام بۇ مەكتۇپنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئەمرى ئىبنى ئاسقا تاپشۇردى.
ئەمرى ئىبنى ئاس مۇنداق دەيدۇ: «مەن مەكتۇپنى ئېلىپ چىقىپ ئاخىرى ئوممانغا يېتىپ باردىم. مەن ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ ئاۋۋال ئەبدى بىلەن كۆرۈشتۈم (ئەبدى جەيفەر نىسبەتەن مىجەز-خۇلقى تەمكىن ئادەم ئىدى) ۋە ئۇنىڭغا: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ سەن ۋە سنىڭ قېرىندىشىڭ جەيفەرگە مەخسۇس ئەۋەتكەن ئەلچىسىدۇرمەن» دېدىم. ئۇ ماڭا: «قېرىندىشىم جەيفەر ياشتا ۋە ھوقۇقتا مەندىن چوڭ تۇرىدۇ، شۇڭا مەن سېنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇراي. مەكتۇپىڭنى ئۇ ئۆزى ئوقۇپ كۆرسۇن» دېدى. ئاندىن ئۇ: «سەن نېمىگە دەۋەت قىلىسەن؟» دەپ سورىدى.
مەن ئۇنىڭغا: «ئاللاھىنى بىر، يەككە-يىگانە، شېرىكى يوق دەپ بىلىشكە ئاللاھتىن باشقا (يالغان) مەئبۇدلارنى چۆرۈپ تاشلاشقا، مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۈۋاھلىق بېرىشكە دەۋەت قىلىمەن» دېدىم، ئۇ ماڭا: «ئى ئەمرى سەن خەلقىڭ ئىچىدە خېلى نوپۇزلۇق ئادەم، ئېيتىقىنە سېنىڭ ئاتاڭ قانداق قىلدى؟ ئۇنى بىز ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلايلى» دېدى. مەن: «ئۇ مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام)كە ئىمان كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتتى، مەن ھازىر ئۇنى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان بولىسكەن دەيمەن، مەنمۇ يېقىنغا قەدەر ئاتامغا ئوخشاش تونۇشتا ئىدىم، يېقىندا ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلىپ مۇسۇلمان بولدۇم» دېدىم. ئەبدى مەندىن : «ئۇنىڭغا سەن قاچاندىن بېرى ئەگەشتىڭ؟» دەپ سورىدى، مەن : «ئۇزاق بولمىدى» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ يەنە مەندىن: «قەيەردە مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى سورىغانىدى، مەن نەجاشىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ۋە نەجاشىنىڭمۇ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېيتسام ئۇ: «نەجاشىنىڭ خەلقى ئۇنىڭ ھاكىمىيتىنى قانداق قىلدى؟» دېدى، مەن: «ئۇنىڭ خەلقى ئۇنى ئۆز ئورنىدا قالدۇردى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشتى» دېسەم ئۇ: «باش پوپلار ۋە راھىپلارنىڭ ھەممىسى ئەگەشتىمۇ؟» دەپ سورىدى، مەن: «ھەئە ئۇلارمۇ ئەگەشتى» دەپ جاۋاب بىرىۋىدىم، ئەبدى: «ئى ئەمرى ئوبدان ئويلاپ سۆزلىگىن، ئادەمگە يالغانچىلىقتىن قەبىھ رەسۋاچىلىق يوق» دېدى، مەن: «قەتئى يالغان ئېيتمىدىم، يالغان ئېيتىشنى دىنىمىزدا قەتئى راۋا كۆرمەيمىز» دېدىم. ئاندىن ئۇ: «پادىشاھ ھىرەقلى نەجاشىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇقمىغان بولسا كېرەك » دېدى، مەن: «ئەلۋەتتە ئۇققاندۇ» دېدىم، ئۇ: «بۇنى قانداق بىلىسەن؟» دەپ سورىدى، مەن: «نەجاشى ئەسلىدە ھىرەقلىگە غەللە-جاساق تاپشۇرۇپ تۇرىدىكەن. ئۇ مۇسۇلمان بولۇپ رەسۇلۇللاھ قا ئەگەشكەندىن كېيىن: «ئەزبىرائى خۇدا! ئۇ (يەنى ھىرەقلى) مەندىن بىر تىيىن سورىسىمۇ بەرمەيمەن»، دەپ قەسەم قىپتۇ. بۇ گەپ ھىرەقلىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن ئىكەن، قېرىندىشى نىياق ئۇنىڭغا «نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ساڭا ئەل بولۇپ غەللە تاپشۇرۇپ كەلگەن بىر قۇلۇڭ ئەمدىلىكتە بىراقلا ئىتائەتتىن چىقىپ سېنىڭ دىنىڭنى تاشلاپ يېڭى بىر دىنغا مايىل بولۇپ كەتسە ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسەڭ توغرا بولامدۇ؟ دېگەن ئىكەن، ھىرەقلى: «كىشى ئۆزىگە بىر دىننى تاللاپ ئۇنىڭغا قىزىقىپ كەتسە مەن توسۇپ نېمە قىلاتتىم، قەسەم قىلىمەنكى ھوقۇق-مەنسەپنى دېمىسەم، مەنمۇ ئۇنىڭ قىلغىنىنى قىلار ئىدىم، دەپ رەدىيە بەرگەنمىش» دىۋىدىم ئۇ: «ئى ئەمرى! ئېيتقانلىرىڭ راستمۇ؟»دەپ سورىدى، مەن : «ئەزبىرايى خۇدا راست بولمايچۇ» دېدىم. ئەبدى: «مۇھەممەد نېمىلەرگە بۇيرۇيدۇ، نېمىلەردىن توسىدۇ، ماڭا ئېيتىپ بەرگىن» دېدى، مەن دېدىمكى: «ئۇ بىزلەرنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشتىن توسىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، سىلەر-رەھىمنى ئۇلاشقا بۇيرۇيدۇ. زۇلۇم سېلىش، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، زىنا قىلش، ھاراق ئىچىش، تاش-تىكەن بۇت-ھەيكەللەرگە ۋە كىرىست تىلمۇدلارغا چوقۇنۇشتىن توسىدۇ» ئەبدى بۇنى ئاڭلاپ: «ئۇنىڭ دەۋەت قىلغانلىرى نېمە دېگەن ياخشى، ئەگەر قېرىندىشىم ماقۇل كۆرسە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇسۇلمان بولۇپ كەلگەن بولاتتۇق، لېكىن ئۇ مۇھەممەدكە تەۋە بولۇپ ھوقۇقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە كۆزى قىيمايدۇ» دېدى، مەن ئۇنىڭغا: «ئەگەر قېرىندىشىڭ مۇسۇلمان بولسا رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆز مەنسىپىدە قالدۇرىدۇ-دە ئۇ بايلاردىن زاكات ئېلىپ كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىپ، ھۆكۈم سۈرسە بولۇۋېرىدۇ»، دېگەنىدىم ئۇ: «ئى ئەمرى!
بۇ ياخشى قائىدە ئىكەن، سەدىقە-زاكات دېگەن نېمە؟» دەپ سورىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ بېكىتكەن ئىسلام دىنىنىڭ ئىقتىسادى مال-مۈلۈك تۈزۈلمىلىرىنى، زاكات، ئۆشرە، ئىقتىسادىي مەجبۇرىيەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ، تۆگە-چارۋىلار ھەققىدە توختىلىۋىدىم، ئەبدى ئىبنى جولەندى: «ئى ئەمرى يايلاقتا بېقىلىۋاتقان چارۋىلىرىمىزدىنمۇ زاكات ئېلىنامدۇ؟» دەپ سورىدى، مەن: «ھەئە، ئەلۋەتتە ئېلىنىدۇ» دېدىم ئۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ خەلقىم يۇرت مەھەللە مەنزىللىرى كەڭ ھەم تارقاق، چارۋىلىرى كۆپ بۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىقى تەسكە توختايدۇ»، دېدى، ئەمرى ئىبنى ئاس مۇنداق دەيدۇ: « شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇردۇم، ئۇ قېرىندىشى جەيفەرگە مېنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىمنى، ئېيتقان سۆزلىرىمنى يەتكۈزۈپ تۇردى. ئۇ بىر كۈنى مېنى چاقىرتىپتۇ، شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئوردىسىغا باردىم، ئۇنىڭ ئادەملىرى مېنى توسىماقچى بولۇۋىدى، ئۇ ماڭا كىرىشكە ئىجازەت بېرىپ ئىشارەت قىلدى، مەن كىرىپ جەيفەرنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇشقا تەمشىلىۋىدىم، ئۇلار مېنى ئولتۇرغۇزمىدى، شۇڭا مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قارىسام ئۇ: «گېپىڭ بولسا دېگىن» دېگەندەك ئىشارەت بەردى. مەن ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھنىڭ مۆھۈرى بېسىلغان مەكتۇبىنى ئۇزارتىۋىدىم جەيفەر مەكتۇپنامىنى ئېچىپ ئوقۇپ ئاخىرلاشتۇرۇپ قېرندىشىغا بەردى، ئۇمۇ مەكتۇپنى ئېلىپ ئوقۇدى، ئىككىسىنىڭ پەرقى شۇ بولدىكى، ئۇنىڭ قېرىندىشى خېلىلا تەمكىن كۆرۈنەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى ئەمرى قۇرەيشلەر قانداق قىلدى؟» مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن: «ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامغا ئەگەشتى ياكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن دىنغا كىرىپ ئەگەشتى ياكى قىلىچ بىلەن ئىتائەتكە كەلدى» دېدىم. جەيفەر: «ئۇنىڭ يېنىدا قانداق ئادەملەر بار؟» دەپ سورىدى، مەن: «ھەممە ئادەم ئىسلامغا مايىل بولۇپ كەتتى ۋە ئۇلار ئۇ دىننى باشقا دىنلاردىن ئىلغار بىلمەكتە. ئاۋام خەلق ھازىر ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ھىدايەت ئاتا قىلىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسەت ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ ئازغۇنلۇق ۋە گۇمراھلىقتا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشماقتا، ئەمدى ھازىر مۇشۇ ئەتراپتا سەنلا قېپقالدىڭ ۋە سەنمۇ مۇسۇلمان بولۇپ ئۇنىڭغا بۈگۈن تابى بولمىساڭ ئەتە ئۇنىڭ ئاتلىق قوشۇنى سېنىڭ باغ-ۋاران ئۆي-ماكانلىرىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولىدۇ. مۇسۇلمان بولساڭ ئامان بولىسەن، مۇھەممەد سېنى ئۆز مەنسىۋىڭدە قالدۇرىدۇ، ئاتلىق قوشۇن دېگەنلەرنى كۆرمەيسەن»، دېدىم، ئۇ ماڭا: «بىر كۈنلۈك مۆھلەت بەرگىن ئەتە ئەتىگەن ئۇچرىشايلى»، دېدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن جەيفەرنىڭ ئوردىسىدىن چىقىپ ئۇنىڭ قېرىندىشى ئەبدىنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ ماڭا: «ئى ئەمرى مەن ئۇ(جەيفەر)نىڭ ھوقۇقىغا تارتىشىپ قالمىسىلا چوقۇم مۇسۇلمان بولۇشىغا ئىشىنىمەن» دېدى. ئەتىسى ئەتىگەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋىدىم، ئۇلار مېنى كىرگۈزمىدى، شۇڭا يەنە قايتىپ ئۇنىڭ قېرىندىشى ئەبدىنىڭ يېنىغا بېرىپ جەيفەر بىلەن ئۇچرىشالمىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئەبدى مېنى قېرىندىشى جەيفەر بىلەن كۆرۈشتۇردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن سېنىڭ دەۋەت قىلغان ئىشلىرىڭ توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم، بىر ئادەمنىڭ ئەسكىرى كۈچىنى كۆرمەي تۇرۇپ قولۇمدىكى ھوقۇقىمنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرسەم «سۇنى كۆرمەي تۇرۇپ كىيىم سالىدىغان قابىلىيەتسىز ئادەم بولۇپ قالغۇدەكمەن، ئۇنىڭ قوشۇنى يېتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ»، دېدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئەتە يولغا چىقىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئۇ مېنىڭ راسلا قايتماقچى بولغانلىقىمنى جەزم قىلغاندىن كېيىن قېرىندىشى ئەبدى بىلەن بىردەم ئايرىم پىكىرلىشىپ دېيىشىپتۇ: «بىز مۇھەممەد بىلەن قارشىلىشىپ پايدا تاپالمىغۇدەكمىز، مۇھەممەد مەكتۇپ ئەۋەتكەن ئەللەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭغا ئىتائەت بۇيۇنلىرىنى ئىگىپتۇ»، شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ ماڭا ئادەم ئەۋەتىپ ئاكا-ئۇكا ئىككىلىسى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى تەستىقلىدى. مېنىڭ زاكات ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى ھەق-تەلەپ دەۋا ئىشلىرىنى شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش ئىشلىرىمغا شارائىت راسلاپ بەردى ۋە قارشىلىق قىلغانلارغا مەن تەرەپتە تۇرۇپ ياردەم قىلدى».
قىسسەنىڭ جەريانىدىن قارىغاندا بۇ مەكتۇپنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ۋاقتى باشقا پادىشاھ ۋە ۋالىيلارغا مەكتۇپ ئەۋەتكەن ۋاقىتتىن كۆپ كېيىن ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ مەككە ئىشغال قىلىنغاندىن كېىين ئەۋەتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
خوش … مانا مۇشۇ مەكتۇپلارنى ئەۋەتىش ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ ئۆزىنىڭ دەۋەت ساداسىنى مۇشۇ مەزگىلدىكى جاھان پادىشاھلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا يەتكۈزدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلىرىمۇ، بويۇن تولغاپ كاپىر ھالەتتە قالغانلىرىمۇ بولدى. لېكىن، سادا ئاشۇ كاپىر بەتبەخلەرنىڭ پۈتۈن ئەس-يادىنى چىرمىۋالدى ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ نامى-شەرىپىنى، دىنى مەسلەك نىشانىنى تونۇتۇپ قويدى.
ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىنكى ھەربىي پائالىيەتلەر— غابە غازىتى ياكى زىقەرەد غازىتى
بۇ غازات رەسۇلۇللاھ بىلەن قارشىلىشىش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇلاڭچىلىق ۋە قاراقچىلىق جىنايەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان بەنى فەزارىلىك بىر ئوچۇم جىنايەتچىلەر گۇرۇھىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدۇر. بۇ غازات ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن، خەيبەر غازىتىدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان.
ئىمام بۇخارى مەزكۇر بابنىڭ تەرجىمىسىدە بۇ غازاتنى خەيبەر غازىتىدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى تەشكىللەنگەن، دەپ زىكرى قىلدى. ئىمام مۇسلىم سەلىمە ئىبنى ئەكۋەنىڭ ھەدىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يۇقىرىقى قاراشنى كۈچەيتتى. كۆپ قىسىم تارىخشۇناسلار بۇ غازات خەيبەر غازىتىدىن خېلى ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان، دەپ قارىدى. ئەمما، سەھىھۇلبۇخارىنىڭ رىۋايىتى توغرىغا ئەڭ يېقىندۇر.
رىۋايەتلەرنىڭ خۇلاسىسىنى مۇشۇ غازاتنىڭ باش قەھرىمانى سەلىمە ئىبنى ئەكۋە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام سەدىقە تۆگىلىرىنى رىباھ ئىسىملىك چاكىرىدىن يايلاققا باققىلى ئەۋەتكەنىدى، مەن رىباھ بىلەن ئەبۇ تەلھەنىڭ ئېتىغا مىنىپ چىققانىدىم. ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئابدۇرەھمان ئەلفەزارى رەسۇلۇللاھنىڭ سەدىقە تۆگىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ پادىچىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ تۆگىلەرنىڭ ھەممىسنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىپتۇ، شۇڭا مەن: ‹‹ئى رىباھ! سەن بۇ ئاتنى مىنىپ دەرھال ئەبۇ تەلھىگە ئاپىرىپ بەرگىن ۋە رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى خەۋەر قىلغىن ››، دېدىم. ئاندىن بىر چوققىغا چىقىپ مەدىنىگە قاراپ: ‹‹ يا سەبا…ھاھ!… ›› دەپ ئۈچ قېتىم توۋلىدىم، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ئۇلارنى قوغلاپ كەينىدىن ئوققا تۇتۇپ قوشاق ئوقۇدۇم:
مەنكى ئەكۋە ئوغلىمەن،
سەرۋازلارنىڭ بالىسى،
ياغار بۈگۈن بېشىگە،
رەزىل ياۋنىڭ بالاسى…
ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى مەن ئۇلارنى توختىماي ئوققا تۇتۇپ كاشىلا قىلىپ تۇردۇم. دۈشمەن كەينىگە يېنىپ قوغلىسا دەرەخ تۈۋىگە مۆكىنىۋالاتتىم-دە، ئاندىن ئۇنىڭغا ئوق ئۈزۈپ توپا چىشلىتەتتىم، ھەتتا بىر چاغدا ئۇلار بىر تاغنىڭ جىلغا-قاپتاللىرىغا كىرىۋىدى، مەن ھېلىقى تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇلارغا تاش دومىلىتىشقا باشلىدىم. مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلاپ كەتكەن تۆگىلەرنىڭ بىرنى قويماي سالدۇرۇۋېلىپ كەينىگە قايتۇرۋەتتىم. ئۇلار ئاخىرى تۆگىگە قارىماي تىكىۋېتىشتى، ئاندىن يەنە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئوق ئۈزۈپ قوغلاشقا باشلىدىم، ھەتتا ئۇلار بولالماي يېنىكرەك يول يۈرۈش ئۈچۈن 30 قۇردىن ئوشۇقراق كىيىم-كېچەك ۋە 30 دانە نەيزە-چوماقلارنى تاشلاپ كەتتى. ئۇلار تاشلىغانلا نەرسىگە رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر بىلىۋالسۇن ئۈچۈن تاش-توقماقلار بىلەن بەلگە قويۇپ ماڭدىم، ھەتتا بىر چاغدا ئۇلار تاغ ئىچىدە بىر قاپتال ئېغىزىغا كېلىپ غىزالىنىشقا ئولتۇرۇۋىدى، مەن شۇ تاغنىڭ چوققىسىغا ئۆرلىدىم، بۇ چاغدا ئۇلاردىن تۆت كىشى تاغقا يامىشىپ چىقتى، شۇڭا مەن ئۇلارغا: ‹‹مىنى بىلىشەمسەن؟ مەن دېگەن سەلىمە ئىبنى ئەكۋە بولىمەن، مەن كىمنىڭ پېيىگە چۈشسەم، ئۇنى تۇتماي قـــويمايمەن، ئەمما ھېچ كىشى مېنى قوغلاپ تۇتالمايدۇ ››، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاستاغىنە تاغدىن چۈشۈپ كېتىشتى، شۇ تاپتا مەن تېخى ئورنۇمدىن قوزغالمىغانىدىم، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاتلىق ۋە پىيادىلىك قوشۇنى ئېدىرلىقلار ئارىسىدا پەيدا بولدى. ئەڭ دەسلەپ ئەخرەمنى كۆردۈم، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەبۇ قەتادە پەيدا بولدى، ئارقىسىدىن مىقداد ئىبنى ئەسۋەد ئىز قوغلاپ چېپىپ كەلدى. ئەخرەم كېلىپ ئابدۇرەھمان فەزارى بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى، ئەخرەم ئابدۇرەھماننىڭ ئېتىغا قىلىچ ئۇرۇپ يىقىتقانىدى، ئابدۇرەھمان ئۇنىڭغا نەيزە ئۇرۇپ شەھىد قىلىۋەتتى، ئاندىن ئەخرەمنىڭ ئېتىغا مىنىپ قاچماقچى بولۇۋىدى، ئۇنىڭغا قەتادە يېتىشىۋېلىپ كەينىدىن نەيزە ئۇرۇپ يىقىتىۋەتتى، بۇنى كۆرۈپ قاراقچىلار بەدەر تىكىۋېتىشتى، بىز ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا باشلىدۇق، مەن پىيادە يۈگۈرەيتتىم. ئاخىرى ئۇلار پۈتۈن بىر كۈن ئاچ-ئۇسسۇز بولغانلىقتىن كۈن پېتىش ئالدىدا ‹‹زىقەرەد›› ، دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۇ بويىغا كېلىپ چۈشتى. مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ كېلىپ سۇغا يېقىن كەلتۈرمىدىم، ئۇلار بىر تېمىم سۇ ئىچەلىسە قانداق دەيسىز؟ رەسۇلۇللاھ ۋە باشقا مۇسۇلمانلار گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن يېتىپ كەلدى مەن دېدىمكى: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار ھازىر ئاچ، ئۇسسۇز، ماڭا يۈز ئادەم قوشساڭ ئۇلارنىڭ ئات-ئۇلاغلىرىنى تارتىۋېلىپ قارشىلاشقانلىرىنىڭ بېشىنى ئېلىپ كەلگەن بولسام ››. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ماڭا: ‹‹ئى ئىبنى ئەكۋە! ھېلىمۇ كۆپ جاسارەت كۆرسەتتىڭ، ئەمدى بولدى قىلىغىن›› ، دېدى. ئاندىن يەنە: ‹‹ئۇلار ئەمدى غەتپانغا بېرىپ توختايدۇ›› ، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بۇ قېتىمقى قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى خۇلاسىلاپ: ‹‹بۈگۈنكى چەۋەندازلىرىمىزنىڭ ياخشىسى ئەبۇ قەتادەدۇر ۋە پىيادىلىكلەرنىڭ ياخشىسى سەلىمە ئىبنى ئەكۋەدۇر››، دېدى ۋە ماڭا ئىككى ئۈلۈش (بىرى پىيادىلىكلەرنىڭ، يەنە بىرى ئاتلىقلارنىڭ) ئولجىسىنى تارقىتىپ بەردى. ئاندىن مېنى ئەزبا (رەسۇلۇللاھنىڭ تۆگىسى)نىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ مەدىنىگە قايتتۇق. رەسۇلۇللاھ بۇ غازاتتا مەدىنىدە ئۆز ئورنىغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنى قالدۇرغان ۋە جەڭ ئەلىمىنى مىقداد ئىبنى ئەمىرگە تۇتقۇزغانىدى.
خەيبەر ۋە ۋادلقورا غازىتى
(ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى مۇھەررەم)
خەيبەر مەدىنە مۇنەۋۋەرنىڭ شىمالىدىن ئاتمىش ياكى سەكسەن مىل (بىر مىل 1650 مېتىر) يىراقلىققا جايلاشقان قەلئە ۋە ئىستىھكاملارغا ئىگە دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان چوڭ شەھەر ئىدى. ئۇ ھازىر ھاۋا كىلىماتى دېگەندەك ياخشى بولمىغان بىر كەنتتۇر.
غازات قوزغاشنىڭ سەۋەبى
رەسۇلۇللاھ قۇرەيش تەرەپ بىلەن ھۇدەيبىيە شەرتنامىسىنى ئىمزالاش ئارقىلىق دۈشمەن ئۈچ بىرلەشمە قانىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئەشەددى قانىتىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ئۇلاردىن خاتىرجەم بولۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنىچ- ئامانلىقىنى ۋە مۇقىملىقىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەچچە يىل داۋام قىلغان قانلىق توقۇنۇشلاردىن قول يىغىپ، ئەمدى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىگىنى تىنچ-ئامان يەتكۈزۈشكە ۋە دىنىي دەۋەتكە تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش مەقسىتىدە، قالغان ئىككى قانات (يەنى يەھۇدىيلار ۋە نەجدى قەبىلىلىرى)تىن ھېساب ئالماقچى بولدى. چۈنكى خەيبەر ئۇزاقتىن بىرى سۇيىقەست ۋە مەككارلىقنىڭ ئۇۋىسى، قوراللىق توپىلاڭچىلارنىڭ بازىسى، ئىغۋاگەرچىلىك ۋە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش مەركىزى بولۇپ كەلگەچكە، مۇسۇلمانلار ھەممىدىن ئاۋۋال دىققەت-ئېتىبارىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك مۇھىم ئورۇن بولۇپ قالغانىدى. بىز خەيبەرنى مۇنداق تونۇشتۇرىشىمىزدىكى سەۋەپ، خەيبەرلىك (يەھۇدىي)لەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەھزاب (كۆپ قەبىلە بىرلەشمە قوشۇنى)نى تەشكىللەشتە پىلتە بولغانلىقىنى، ئەھزاب ئۇرۇشى داۋامىدا بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى ئەھدىگە ۋاپاسىزلىق قىلىشقا ۋە كېلىشىمگە خىيانەت قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى، ئاندىن كېيىن يەنە مۇناپىقلار بىلەن، غەتپان ۋە بەدەۋىلەر (يەنى، دۈشمەن بىرلەشمە كۈچلىرىنىڭ ئۈچىنچى قانىتى) بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىلاشقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىمۇ بىۋاسىتە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى كۆپلىگەن تالاپەتلەرگە ئۇچراتقانلىقىنى، ھەتتا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ رەسۇلۇللاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈشكەنلىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق. ئەينى چاغدا مۇسۇلمانلار بۇ يولسىزلىقلارغا قارىتا ئارقىمۇ-ئارقا قوشۇن تارتىشقا ۋە سەلام ئىبنى ئەبىلھۇقەيىق ۋە ئوسەير ئىبنى زارىمگە ئوخشاش سۈيىقەستچىلەرنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى يوشۇرۇن ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت بىر ياكى ئىككىتال بەتبەختنى يوقىتىش بىلەن ئادا تاپمايتتى. بەلكى، ئۇ ھەرىكەت تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەينى چاغدا مۇسۇلمانلار زىممىسىدىكى بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى كۆپ كېچىكتۈردى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا يەھۇدىيلارنىڭ كۈچىدىن نەچچە ھەسسە زور، جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى، ئاداۋىتى كۈچلۈك، باش ئەگمەس ئەسەبى دۈشمەن (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دېۋەيلەپ تۇرماقتا ئىدى. بۇ قېتىم ئۇلار ئالدىنقى سەپتىن چېكىنىپ يۈزمۇ-يۈز قارشىلىشىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋىدى، ئەمدى مۇسۇلمانلارغا ھېلىقى جىنايەتچى ئونسۇرلاردىن ئىنتىقام ئالىدىغان شارائىت پىشىپ يېتىلدى-دە، ھېساب كىتاب قىلىدىغان كۈن ئاخىر يېتىپ كەلدى.
خەيبەرگە يۈرۈش قىلىش
ئىبنى ئىسھاق: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ھۇدەيبىدىن قايتىپ كېلىپ مەدىنىدە زولھەججە (12 ئاي) ۋە مۇھەردەم (1- ئاي) دىن ئازراق تۇرۇپ مۇشۇ ئاي (يەنى مۇھەررەم)نىڭ ئاخىرلىرىدا خەيبەرگە يۈرۈش قىلدى››، دېگەن. مۇفەسسىرلەر: ‹‹خەيبەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى ﴿وىدكم اللھ مغانم كڭيرە﴾ تەرجىمىسى: ‹ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى ۋەدە قىلدى›، دېگەن ئايىتى ئارقىلىق بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ئەمىلىلىشىشىى ئىدى» دېيىشتى.
ئىسلام قوشۇنىنىڭ سانى
ئالدىنقى يىلى ھۇدەيبىيە غازىتىدا مۇناپىقلار ۋە ئىمانى ئاجىز كىشىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە چىقماي يېتىۋالغان بولغاچقا، رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ تەرىپىدىن مۇنداق پەرمان بولغانىدى: ﴿سَيَقُولُ الْمُخَلَّفُونَ إِۇَا انطَلَقْتُمْ إِلَۈ مَغَانِمَ لِتَۆْخُۇُوھَا ۇَرُونَا نَتَّبِىْكُمْ يُرِيدُونَ ۆَن يُبَدِّلُوا كَلَامَ اللَّھِ قُل لَّن تَتَّبِىُونَا كَۇَلِكُمْ قَالَ اللَّھُ مِن قَبْلُ فَسَيَقُولُونَ بَلْ تَچْسُدُونَنَا بَلْ كَانُوا لَا يَفْقَھُونَ إِلَّا قَلِيلًا﴾ (ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قىلىپ قالغانلار غەنىمەت ئېلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقتىڭلاردا: ‹‹بىز سىلەر بىلەن چىقايلى ››، دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەر غەنىمىتىنى ھۇدەيبىگە چىققانلارغا خاس قىلغانلىقىدىن) ئىبارەت. سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: ‹‹بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن›› ئۇلار: ‹‹ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھ ئۇنداق دېگەن يوق) بەلكى سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر›› دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ كالامىنى) پەقەت يۈزەگىنە چۈشىنىدۇ. («قۇرئان كەرىم» سۈرە فەتھ 15- ئايەت). شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام خەيبەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا: ‹‹مەن بىلەن پەقەت جىھادقا قىزىقىدىغانلارلا بىللە چىقسۇن ›› ، دەپ ئېلان قىلدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئەسھابۇششەجەر (ھۇدەيبىيدە دەرەخ تۈۋىدە رەسۇلۇللاھقا ئۆلۈمگە ئەھدى بەرگەنلەر)لا ئاتلاندى. ئۇلار 1400 كىشى ئىدى ۋە ئۆز ئورنىغا مەدىنىدە سىبائ ئىبنى ئەپەتەتۇلغىفارىنى قالدۇردى. ئىبنى ئىسھاق: ‹‹نومەيلە ئىبنى ئابدۇللا لەيسىنى قالدۇرغان›› ، دەيدۇ. ھەرھالدا ئاۋۋالقى قاراش توغرىغا كۆپ يېقىن. مۇجاھىدلار خەيبەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولۇپ كەلدى. ئۇ مەدىنىگە كەلگەندە سىبائ ئىبنى ئەرپەتە بامداد نامىزى ئوقۇپ بېرىۋاتاتتى، سىبائ نامازدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. سىبائ ئۇنىڭغا سەپەر راسخوتى ھازىرلاپ يولغا سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدىن خەيبەرگە باردى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا گەپ قىلىپ ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرىنى غەنىمەتكە شېرىك قىلدى.
مۇناپىقلارنىڭ يەھۇدىيلارغا ئاخبارات يەتكۈزگەنلىكى
مۇناپىقلار يەنە يەھۇدىيلار ئۈچۈن كەتمەن چېپىشقا باشلىدى. مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي خەيبەر يەھۇدىيلىرىغا يوشۇرۇن ئاخبارات يوللاپ: ‹‹ مۇھەممەد سىلەرنى قەستلەپ يۈرۈپ كەتتى، پەخەس بولۇڭلار، ئەمما قاتتىق قورقۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى سىلەر سان ۋە سۈپەتتە ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈستۈن، مۇھەممەدنىڭ ئادەملىرى قوراللىرى ئاددى، سانى چەكلىك، ساياق ئادەملەردۇر ›› ، دېدى. خەيبەرلىكلەر ئاخباراتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتلىنىپ كەنانە ئىبنى ئەبىلھۇقەيق بىلەن ھەۋزە ئىبنى قەيسىنى غەتپان قەبىلىسىگە ياردەم سوراشقا ئەۋەتتى، چۈنكى ئۇلار خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ قەدىناس ئىتتىپاقدىشى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېغىز-بۇرۇن يالىشىدىغان يالاقچى دوستلىرى ئىدى. ئۇلار: ‹‹بۇ قېتىم مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن غالىب كېلەلىسە، خەيبەر مېۋە مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمىنى غەتپان قەبىلىسىگە تاپشۇرۇشنى شەرت قىلىشتى.
خەيبەر يولى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام خەيبەر سەپىرىدە ئىسسىر (يەنە بىر سۆزدە ئەسىر) تاغ تىزملىرىنى بويلاپ مېڭىپ سەھبائ (جاي نامى)دىن ئۆتۈپ رەجىيئ (جاي نامى)گە كېلىپ چۈشتى، بۇ يەر بىلەن غەتپانلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەمئىي بىر كېچە-كۈندۈزدەك يول قالاتتى. دەل شۇ كۈنلەردە غەتپانلىقلارمۇ جەڭ تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزۈپ يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن خەيبەرگە قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلار ئوتتۇرا يولغا كەلگەندە كەينى تەرەپتە ئۇشتۇمتۇت چۇقان-سۆرەن ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئاۋازنى مۇسۇلمانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمىزغا ۋە مال-مۈلۈكلىرىمىزگە ھۇجۇم قىپتۇ›› ، دەپ ئويلاپ دەرھال كەينىگە يېنىپ ئۆز مەھەللىسىنى قوغداشنىڭ كويىدا بولدى. ۋە رەسۇلۇللاھ بىلەن خەيبەرلىكلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىقىنى قارار قىلدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ قوشۇنغا يول باشلاپ مېڭىۋاتقان ئىككى يول باشلىغۇچى (ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ھەسىل ئىدى)نى چاقىرتىپ ئۇلاردىن خەيبەرگە شىمال (يەنى شام) تەرەپتىن كىرگىلى بولىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق يول بىلەن باشلاپ مېڭىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنداق قىلغاندا غەتپانلىقلارنىڭ خەيبەر ئىشىغا ئارىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى ھەمدە خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ شامغا قېچىۋېلىشىنى توسۇپ قالغىلىمۇ بولاتتى. بۇچاغدا ئۇلارنىڭ بىرى: ‹‹مەن باشلاپ ماڭاي، ئى رەسۇلۇللاھ!›› دەپ قوشۇننىڭ ئالدىغا كىرىپ ماڭدى. بىر چاغدا ئۇ تۆت يولغا بۆلىنىدىغان بىر ئاچال يول ئېغىزىغا كېلىپ توختىدى ۋە: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ يوللارنىڭ ھەممىسىدىن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ، قايسىسىغا يول ئالىمىز؟ ›› دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنى ئاشۇ يوللارنىڭ نامىنى بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بېرىشكە بۇيرىدى، ئۇ ‹‹ھەزەن ›› (قايغۇ)، دېدى شۇ يوللارنىڭ بىرسنى كۆرسىتىپ. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭدىن يول ئېلىشقا ئۇنىمىدى، يول باشلىغۇچى يەنە بىرىنىڭ ئىسمىنى ‹‹شاش ›› ، دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغىمۇ بېشىنى چايقىدى، ئاندىن يەنە بىرىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئىسمى «ھاتىپ» (ئوتۇن تەرگۈچى)، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇنىڭغىمۇ ‹‹بولمايدۇ ›› ، دېدى، بۇ چاغدا ھەسيىل (يول باشلىغۇچى) ‹‹ئەمدى بىرلا يول قالدى ›› ، دېگەنىدى، ئۆمەر: ‹‹ئېيتمامسەن ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ›› دەپ ئالدىراتتى. ئۇ: ‹‹مەرھىب›› (قارشى ئالغۇچى)، دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام شۇنى تاللىدى.
يول ئۈستىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر
- سەلىمە ئىبنى ئەكۋەدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹‹بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن خەيبەر غازىتىغا چىققاندا كېچىسى يول يۈرگەنىدۇق مۇسۇلمانلاردىن بىركىشى ئامىر ئىبنى ئەكۋەگە: ‹‹ئى ئامىر! بىزگە ھېلىقى مۇڭلۇق ئاۋازىڭ بىلەن بىزگە راھەت بەرمەمسەن؟ ›› دېدى (ئامىر يېتىشكەن شائىر ھەم ناخشىچى ئىدى). شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلىغىدن چۈشۈپ «ھۇي….ھۇي» ئېيتىپ كىشىلەرگە مۇشائىرە ۋە ناخشا ئېيتىپ بىرىشكە باشلىدى، ئۇ مۇنداق دەيتتى:
رەببىمىز سەن بولمىساڭ تاپماس ئىدۇق ھىدايەت،
بىلمەس ئىدۇق نېمىدۇر زاكات، ناماز، روزا، ئىبادەت.
مەغپىرەت قىل، جان پىدا دور ساڭا تەڭىرىم شاد-خۇرام،
ئېلىشقاندا ياۋ بىلەن ئاتا قىلغىن مەتانەت.
بېغىشلىغىن بىزلەرگە خاتىرجەملىك سائادەت ،
بېسىم قىلسا كۇفرى ئەل قىلماسمىز ھېچ ئىتائەت.
قانچە سۆرەن سالسىمۇ مەنسىتمەيمىز تائەبەت.
…. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: ‹‹بۇ كىم؟ ›› دەپ سورىدى، كىشىلەر: ‹‹ئامىر ئىبنى ئەكۋە»، دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: ‹‹ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن»، دېدى، بۇ چاغدا جامائەتچىلىكتىن بىر كىشى: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ۋاجىپ قىلدىڭ (يەنى شەھىدلىق شەرىپىنى ئۇنىڭغا تەلەپ قىلدىڭ) بىزنى ئۇنىڭ سۆھبىتىدىن بەھرىمەن قىلساڭ بولماسمىدى؟!›› دېدى. چۈنكى، ئۇلار رەسۇلۇللاھ ھەر قانداق ئادەمگە ئايرىم دۇئا قىلسىا ئۇنى شەھىدلىكنى تاپىدۇ، دەپ بىلەتتى. ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۇ مۇشۇ غازاتتا شەھىدلىككە ئېرىشتى.
-
سەپەر داۋامىدا مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىر ئويمانلىققا يىقىنلاپ كەلگەندە ھەممىسى ئۈنلۈك سادا بىلەن: ‹‹ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ››، دەپ ئاۋاز كۆتۈرگەنىدى. رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئۆزۈڭلەرگە ھاي بېرىڭلار (يەنى ئورۇنسىز ۋارقىرىماڭلار)، چۈنكى سىلەر گاس-گاچىغا ۋە ياكى يوق غائىپ نەرسىگە ئەمەس بەلكى ھەمىشە سىلەردىن ئايرىلمايدىغان سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ئاللاھقا دۇئا قىلىسىلەر›› ، دېدى.
-
خەيبەرگە يېقىن جاي سەھبائغا بارغاندا رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلار بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدى، نامازدىن كېيىن غىزالىنىش ئۈچۈن ئۇزۇق-تۈلۈكلەرنى چاقىرغانىدى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا پەقەت تالقانلا كەلتۈرۈلدى. شۇڭا ئۇ تالقاننى بۇيرۇپ نەمدەتكەندىن كېيىن ئۆزىمۇ يېدى، باشقىلارمۇ يېدى، ئارقىدىن ناماز شام ۋاقتى بولۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئېغىزىنى چايقىۋىتىپ ئاندىن نامازغا تۇردى، ساھابىلەرمۇ شۇنداق قىلدى، قايتا تاھارەت ئالمىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدى.
ئىسلام ئارمىيىسى خەيبەر قەلئەلىرى بويىدا
مۇسۇلمانلار ئەتىسى ئەتىگەن ئۇرۇش باشلىنىدىغان ئاخىرقى كېچىنى خەيبەرگە يېقىن بىر جايدا ئۆتكۈزدى، يەھۇدىيلار بۇنى سەزمەيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بىرەر قەۋمنىڭ يۇرتىغا كېچە بېرىپ قالسا، تاڭ ئاتمىغۇچە تېگىش قىلمايتتى، مۇسۇلمانلار ئەتىسى تاڭ ئاتقان ھامان بامدادنى بۇرۇنراق ئوقۇپ خەيبەرگە قاراپ ئاتلاندى، بىر دەمدىن كېيىن تاڭ سۈزۈلۈپ ئالەم يورۇۋىدى، خەيبەر ئاھالىلىرى پالتا - كەتمەن، تاغار-زەمبىللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئېتىز-ئېرىقلىرىغا چىقىشتى، ۋەھالەنكى ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بېسىپ كەلگەنلىكىدىن قىلچە خەۋەرسىزدەك قىلاتتى. شۇڭا ئۇلار مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى كۆرۈپ: ‹‹مۇھەممەد، ئەزبىرايى خۇدا مۇھەممەد قوشۇنى بىلەن بىللە كەپتۇ ›› ، دېيىشىپ ئالاقزادىلىك ئىلكىدە شەھەرگە قاراپ قېچىشتى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: ‹‹ئاللاھۇ ئەكبەر! خەيبەر خاراب بولدى، بىز بىرەر قەۋمىنىڭ مەھەللىسىگە چۈشسەك (ئالدىن) ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلەرنىڭ ئەتىگەنلىكىگە ۋاي!›› دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام خەيبەرگە كىرىپ بىر مەنزىلنى ھەربىي گازارما (يەنى ھەربىي بارگاھ) قىلىشقا تاللىغان ئىدى. ھۇباب ئىبنى مۇنزىر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ بۇ يەرگە بارگاھ تەسىس قىلىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ؟ ياكى جەڭ تەدبىرىمۇ؟ ›› دەپ سورغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئەلۋەتتە جەڭ تەدبىرى»، دېدى. ئۇ: ‹‹ئى رەىسۇلۇللاھ! بۇ جاي دۈشمەننىڭ نەتات قورغىنىغا بەك يېقىن، خەيبەر ئەسكىرى كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى دەل مۇشۇ قەلئەدە، بىز بۇ يەرگە چۈشسەك ئۇلار بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئاسانلا بىلىۋالىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقالمايمىز. ئۇلارنىڭ ئاتقان ئوقى بىزگە نەخ تېگىدۇ (چۈنكى ئۇلار قەلئە ئۈستىدىن ئاتىدۇ)، ئەمما بىزنىڭ ئۇقىمىز ئۇلارغا نەخ تىگىشى ناتايىن (چۈنكى بىز پەستە تۇرۇپ ئاتىمىز). ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ كېچىلەپ ھۇجۇم قىلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ھەم بۇ يەر خورمىلىق ئارىسىغا جايلاشقان ئىكەن، ئېستراتېگيە جەھەتتىن ئورنى مۇۋاپىق ئەمەس، شارائىتى بىئەپ زېمىن ئىكەن. مۇشۇ ئىللەتلەردىن خالىراق بىر مەنزىلگە ئەمرى قىلساڭ، ئاشۇ يەرگە بارگاھ تەسسىس قىلساق›› ، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ: ‹‹توغرا تەكلىپ بەردىڭ›› ، دېدى-دە، قوشۇننى باشقا بىر جايغا يۆتكەپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام خەيبەرگە يېقىنلاپ كېلىپ شەھەر قەلئەلىرى يىراقتىن غىلپال كۆرۈنىۋىدى، قوشۇنغا: ‹‹توختاڭلار ›› ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن قوشۇن ھەرقايسىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا توختىۋىدى. رەسۇ لۇللاھ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! يەتتە قات ئاسماننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇرسەن ۋە يەتتە قات زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇرسەن! شەيتانلارنىڭ ۋە ئۇلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇرسەن، سەندىن بۇ يۇرتنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە بۇ كەنت ئاھالىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋەيۇرتتىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمىز ۋە سېنىڭدىن بۇ يۇرتنىڭ يامانلىقىدىن، كەنت ئاھالىسىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يۇرتتىكى جىمى شەيئىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز ›› ، دېدى. ئاندىن ‹‹بىسمىللاھ بىلەن ئالغا قاراپ مېڭىڭلار!›› دېدى.
جەڭ تەييارلىغى ۋە خەيبەر قەلئەلىرى
ئەتىسى ئەتىگەن تېگىش قىلىمىز دېگەن كۈنى كەچلىكى رەسۇلۇللاھ سۆز قىلىپ: ‹‹مەن ئەتە ئەلەمنى شۇنداق بىر كىشىگە تۇتقۇزىمەنكى، ئۇ ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيىدۇ ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىمۇ ئۇنى سۆيىدۇ ›› ، دېدى ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ھەممە كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدا چۆگىلەپ قېلىشتى. ھەممە ئادەم شۇ كىشى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇشتۇمتۇت پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: ‹‹ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب قېنى؟›› دەپ قالدى. كىشىلەر: ‹‹ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قاپتۇ›› دېيىشكەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: ‹‹ئۇنى تېپىپ كېلىڭلار»، دېدى. ئەلى كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ كۆزىگە تۈكۈرۈپ قويدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ كۆزى سەللىمازا ساقىيىپ قۇسۇرسىز بولۇپ كەتتى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئەلەمنى ئۇنىڭغا بېرىۋىدى، ئۇ: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇلار بىلەن تاكى ئۇلار بىزدەك (مۇسۇلمان) بولغانغا قەدەر ئۇرۇشىمەن››، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھسسالام: ‹‹ئۇنداق بولسا، سەن شۇ پېتى بېرىپ ئۇلارنىڭ مەنزىلىگە چۈشكىن، ئاندىن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن ۋە ئۇلارنىڭ زىممىسىگە ۋاجىپ بولغان ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى ئۇقتۇرۇپ قويغىن، قەسەم قىلىمەنكى، ئاللاھنىڭ سەن ئارقىلىق بىرەر ئادەمگە ھىدايەت قىلغىنى سەن ئۈچۈن نەچچە مىڭ قىزىل تۆگىدىن ياخشى ›› ، دېدى.
خەيبەر چوڭ جەھەتتىن مۇنداق ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، بىر بۆلىكىدە بەش قورغان بار ئىدى، ئۇلار:
-
نائىم قورغىنى.
-
سەئەب ئىبنى مۇئاز قورغىنى.
-
زۇبەير قەلئەسى قورغىنى.
-
ئۇبەي قورغىنى.
-
نەزار قورغىنى
ئاۋۋالقى ئۈچ قورغان خەيبەرنىڭ نەتات رايونىغا، كېينكى ئىككى قورغان ‹‹شىيىق›› رايونىغا جايلاشقانىدى، ئەمما ئىككىنچى بۆلىكى ‹‹كەتىيبە›› (ھەربىي رايون) دەپ ئاتالغان بولۇپ ئۇنىڭغا ئۈچ قورغان جايلاشقانىدى.
-
قەموس قورغىنى (بۇ بەنى نەزىر قەبىلىسىدىن بولغان ئەبلىھۇقەيىقنىڭ قورغىنى ئىدى.
-
ۋەتيھ قورغىنى.
-
سەلالىم قورغىنى قاتارلىقلار.
خوش….. خەيبەردە يەنە بۇ سەككىز قورغاندىن باشقا چوڭ-كىچىك قەلئە ۋە قورغانلار بار بولۇپ، ھەربىي كۈچى ۋە مۇداپىئە ئىستىھكامى جەھەتتە ئالدىنقى سەككىز قورغانغا يەتمەيتتى، شۇڭا ئۇرۇشنىڭ ئېغىر چاقى قورغاننىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە كۆپرەك ئايلاندى، ئەمما ئىككىنچى بۆلىكىدىكى ئۈچ قورغان ھەربىي قىسىملار كۆپ ۋە مۇداپىئەسى كۈچلۈك بولسىمۇ قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولدى.
ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ۋە نائىم قورغىنىنىڭ فەتھى قىلىنىشى
بۇ قورغانلار ئىچىدە مۇسۇلمانلار تۇنجى تېگىش قىلغان قورغان نائىم قورغىنى بولدى. مەزكۇر قورغاننىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا يەھۇدىيلار ئۇنى جان تىكىپ قوغدىدى. شۇنداقلا بۇ قورغان يەنە يەھۇدىيلارنىڭ ‹‹مىڭگە تېتىيدىغان باتۇر›› دېگەن نامى بار مىللى قەھرىمانى ‹‹مەرھەب›› پالۋاننىڭ باشقۇرىشىدىكى قورغان ئىدى.
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوشۇننى باشلاپ بۇ قورغاننى مۇھاسىرىگە ئالدى ۋە ئۇلارنى مۇسۇلمان بولۇش (يەنى تەسلىم بولۇش)قا چاقىردى. يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋىتىنى كەسكىن رەت قىلىپ، مۇغەمبەرلىك بىلەن مەيدانغا چىقىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ باش سەركەردىسى مەرھەب پالۋانمۇ بار ئىدى. مەرھەب جەڭ مەيدانىغا چىقىپ يەكمۇ-يەك ئېلىشىشنى تەلەپ قىلدى. سەلىمە ئىبنى ئەكۋەئ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹بىز خەيبەرگە يېتىپ بېرىۋىدۇق، ئۇلارنىڭ باشلىغى مەرھەب قىلىچىنى پۇلاڭلىتىپ مەيدانغا چۈشۈپ تۆۋەندىكى شېئىر ئوقىدى:
خەيبەر ئارا نامىم مەشھۇر مەرھەب پەھلىۋان،
جەڭگىۋارمەن، تەجرىبەم بار، تەڭ كېلەلمەس.
ئۇرۇش ئوتى قىزىغاندا ئۇچقۇندىن يامان،
مەرد بولساڭ چۈش مەيدانغا ئېلىشايلى بىر مەيدان.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تاغام ئامىر مەيدانغا چۈشۈپ تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇدى:
بىلىپ قويغىن خەيبەرلىك، نامىمنى — «ئامىر»،
سېنىڭدەككە تەييارمەن پەھلىۋان (سادىر).
ئوغۇل بولساڭ چۈش مەيدانغا تۇزكورى كاپىر،
ئۆلتۈرەرمەن يا شەھىدمەن — شەرەپلىك ئاخىر.
ئىككىسى بىر ئىككىدىن قىلىچ سوقۇشتۇردى-دە، ئۇشتۇمتۇت مەرھەبنىڭ قىلىچى تاغام ئامىرنىڭ قالقىنىغا تەگدى، ئامىر قالقانغا تېگىدىن قىلىچ ئۇزىتىپ يەھۇدىينڭ پۇتىغا سالماقچى بولۇۋىدى، ئۇنىڭ قىلىچى يەھۇدىينىڭ پۇتىغا تەگمەي، ئايلىنىپ كېلىپ ئۆز پۇتىنىڭ تىز لىپىكىگە تېگىپ كەتتى، ئاخىرى شېھىد بولدى. ئۇنىڭ ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: ‹‹ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ساۋاب بىرىلىدۇ ››، دېدى ۋە ئىككى بارمىقىنى جەملىدى ۋە يەنە: ‹‹ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق مۇجاھىد ئىدى، ئۇنداق ئەرەب يەر يۈزىدە ئاز تېپىلىدۇ ›› ، دېدى. ئاشكارىلىنىشچە، مەرھەب شۇنىڭدىن كېيىن ناھايىتى كۆرەڭلەپ يەنە بىر قېتىم مۇبارىزىگە كۈچ تەلەپ قىلىپ: ‹‹خەيبەر ئارا نامىم مەشھۇر مەرھەب پەھلىۋان ›› دېگەن جەڭ مارشىنى ئوقۇپ مەيدانغا چۈشۈپ، ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قارشى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب مەيدانغا چۈشۈپ ئۇنى خورىكىگە جىمىقتۇرۇپ قويغان. سەلىمە ئىبنى ئەكۋەئ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹شۇنىڭ بىلەن ئەلى:
ئانام مېنى ئاتاپدۇر نامىمنى ھەيدەر ،
ياۋ مەن بىلەن ئېلىشسا يولۋاس ئىكەن دەر.
زۇلپىقاردا ئەلقىساسىنى ئالمىسام مەن خەر،
ئى خۇدانىڭ دۈشمىنى…. ئاللاھۇ ئەكبەر .
دېگەن جەڭ مارشىنى ئوقۇغاچ مەيدانغا چۈشتى ۋە مەيدانغا چۈشكەن پېتى مەرھەبنىڭ بېشىغا بىر قىلىچ ئۇرۇپلا، ئۇنى جەھەننەمگە ئۇزىتىۋەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا نائىم قورغىنى پەتھى قىلىندى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ قەلئەسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋىدى، بىر يەھۇدىي قەلئە ئۈستىدىكى بىر قوۋۇقتىن بېشىنى چىقىرىپ: ‹‹ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟›› دەپ ۋارقىرىدى. ئەلى: ‹‹مەن ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب›› دەپ جاۋاب قايتۇرغانىدى، ھېلىقى يەھۇدىي: ‹‹مۇساغا نازىل قىلىنغان تەۋرات بىلەن قەسەمكى، ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگۈدەكسىلەر›› دېدى. ئاندىن مەرھەبنىڭ قېرىندىشى ياسىر مەيدانغا چىقىپ: ‹‹مەيدانغا چۈشىدىغان ئادەم بارمۇ؟ كىم چۈشىدۇ؟›› دەپ توۋلىدى، ئۇنىڭغا قارشى بىز تەرەپتىن زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام مەيدانغا چىقىۋىدى، زۇبەيرنىڭ ئانىسى (رەسۇلۇللاھنىڭ ھامماچىسى) سەفىييە: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ ئوغلۇمنى ئۆلتۈرىۋىتەرمۇ، قانداق؟›› دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ‹‹ياق، بەلكى ئوغلىڭىز ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرىدۇ ›› ، دېدى. راست دېگەندەك زۇبەير ئۇنى ئاسانلا بىرتەرەپ قىلىۋەتتى.
خوش… نائىم قورغىنى ئەتراپىدا ئاجايىپ دەھشەت سوقۇشلار بولدىكى، بۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سەردار پەھلىۋانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يوقىتىلدى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش قىزغىنلىقى يوقىلىپ، جەڭگىۋارلىقى ئاجىزلىشىپ ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇۋېلىشقا مادارى يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. تارىخى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، نائىم قورغىنى ئەتراپىدا ئۇرۇش بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، يەھۇدىيلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئالدىدا قارشىلىق نەتىجىسىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئاستا-ئاستا سەئىب قورغىنىغا چېكىنگەن. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلار نائىم قورغىنىغا بېسىپ كىرىپ ئۇنى ئىگىلىگەن.
سەئب ئىبنى مائاز قورغىنىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى
سەئىب ئىبن مائاز قورغىنى نائىم قورغىنىدىن قالسا ھەربىي كۈچى ۋە مۇداپىئە ئىستىھكامى جەھەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىستېراتىگىيىلىك قورغان ئىدى. مۇسۇلمانلار بۇ قورغانغا ھۇباب ئىبنى مۇنزىر ئەنسارىنىڭ قوماندانلىقىدا ھۇجۇم قوزغىدى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئۇدا ئۈچ كۈن مۇھاسىرىگە ئېلىپ ھېچ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا رەسۇلۇللاھ مۇشۇ قورغاننىڭ پەتھى قىلىنىشى ئۈچۈن ئالايىتەن دۇئا قىلدى. ئىبنى ئىسھاق مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەسلەم قەبىلىسىنىڭ بەنى سەھمى ئايمىغى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ‹ئى رەسۇلۇللاھ ھېرىپ چارچىدۇق، قورساقلىرىمىز ئاچتى، ئوزۇقلىرىمىز تۈگىدى › ، دېگەنىدى. رەسۇلۇللاھ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ: ‹‹ئى ئاللاھ! سەن بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈچىدۇرسەن، بېرەي دىسەم، مەندە يوقلىقىنى بىلىسەن، شۇڭا بۇلارغا يەھۇدىي قورغانلىرى ئىچىدىكى بايلىغى ئەڭ مول، ئاش-ئوزۇقلىرى كۆپ بىر قورغاننى پەتھى قىلىپ بەرگىن›› ، دېدى. راست دېگەندەك ئەتىسى ئەتىگەنلىك ھۇجۇمدىلا سەئەب قورغىنى پەتھى قىلىندى. خەيبەردە سەئىب قورغىنىدىكىدەك ئاش-ئوزۇقلىرى مول، ياغ-مايلىرى كۆپ قورغان يوق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام دۇئادىن كېيىن مۇسۇلمانلارنى مۇشۇ قورغاننى ئىشغال قىلىشقا چاقىرىق قىلغانىدى، بەنى ئەسلەم خەلقى ھۇجۇم نەيزىسىنىڭ ئۇچى بولۇپ ماڭدى. قورغان ئالدىدا يەكمۇ يەك ئېلىشىش ۋە ئۆلتۈرۈشلەر راسا قىزىدى. ئاخىر شۇ كۈنى كەچ كۈن پېتىشنىڭ سەلپەل ئالدىدىراق بۇ قورغان پەتھى قىلىندى. مۇسۇلمانلار بۇ قورغاندا بىر قانچە دانە مەنچاناق (دۈشمەن ئىستىھكاملىرىغا يىراقتىن توپ ئاتىدىغان قورال) توپ ۋە دەببابە (شۇ دەۋىرنىڭ تانكا برونىۋكلىرى)لەرنى قولغا چۈشۈردى. ئىبنى ئىسھاقنىڭ نەقىل قىلغان ھەدىسدە تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ ئاچلىق تۈپەيلى ئەسكەرلەر ئارىسىدىن ئايرىم كىشىلەر يەرلىك ئېشەكلەرنى سويۇپ قازانغا سېلىپ ئوت ياققانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئېلانچى چىقىرىپ يەرلىك ئېشەكلەرنى يېيىشتىن توستى.
زۇبەير قەلئەسىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى
نائىم ۋە سەئەب قورغانلىرى ئىشغال قىلىغاندىن كېيىن نەتات رايونى قورغانلىرىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى زۇبەير قەلئەسىگە بېكىنىۋالدى. بۇ قەلئە تاغ چوققىسىغا جايلاشقان مۇستەھكەم بىر قورغان بولۇپ، قورغان ئەتراپى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ھۇجۇم قىلىشقا بىئەپ، دۈشمەنگە نىسبەتەن مۇداپىئەلىنىش شارائىتىنىڭ ياخشى ئىدى. مەيلى ئاتلىق، مەيلى پىيادىلىك ھېچكىم ئۇنىڭغا يېقىن بارالمايتتى. رەسۇلۇللا بۇ قەلئەنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ ئۈچ كۈن تۇردى. ئۈچ كۈندىن كېيىن بىر يەھۇدىي ئەل بولۇپ كېلىپ: ‹‹ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنى بىر ئاي مۇھاسىرىگە ئېلىپ ياتساڭمۇ پەرۋا قىلىشمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يەر ئاستى سۈيى ۋە بۇلاقلىرى بار. ئۇلار كېچىسى چىقىپ سۇ قاچىلاپ ئەكىرىۋېلىپ قەلئەدە بېكىنىپ يېتىۋىرىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ سۇ يولىنى ئۈزۈپ تاشلىيالىساڭ، ئاندىن ئۇلار سىرتقا چىقىدۇ ›› ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى ئۈزۈپ تاشلىغانىدى، يەھۇدىيلار قەلئەدىن چۈشۈپ قاتتىق تەرسالىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلار تەرەپتىن بىر قانچە كىشى قازا قىلدى، ئونغا يېقىن يەھۇدىي جەھەننەمگە ئۇزىتىلدى، ئاخىرى قەلئە پەتھى قىلىندى.
ئۇبەي قەلئەسىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى
زۇبەير قەلئەسى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن يەھۇدىيلار ئۇبەي قەلئەسىگە يۆتكىلىپ بۇ يەردە مۇداپىئەدە تۇرۇۋالدى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئېلىپ چۈشۈشكە قىستىغانىدى، بۇلاردىن ئىككى سەرۋاز نوچى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چۈشۈپ يەكمۇ-يەك ئېلىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما باتۇر مۇسۇلمان ئەزىمەتلەر ئۇلارغا ئامانلىق بەرمەى ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى جەھەننەمگە يولغا سېلىۋەتتى. يەھۇدىيلاردىن ئىككىنچى قېتىم مەيدانغا چۈشكەن دۈشمەننىڭ ئەدىبىنى بەرگەن كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتاغلىق قەھرىمانى قىزىل سەللىلىك باتۇر ئەبۇدۇجانە (يەنى، سىماك ئىبنى خەرشەنەتولىئەنسارى) ئىدى. ئۇ مەزكۇر مۇبارىزىچىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپلا يولۋاستەك ئېتىلىپ قەلئەگە بېسىپ كىردى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقا مۇسۇلمانلارمۇ بېسىپ كىردى. نەتىجىدە، قورغان ئىچىدە بىرەر سائەتتەك كەسكىن جەڭ بولغاندىن كېين يەھۇدىيلار بۇ قەلئەنى تاشلاپ بىر-بىرلەپ سۇغۇرۇلۇپ چېكىنىپ چىقىپ، مۇشۇ رايوننىڭ ئەڭ كەينىدىكى قەلئە نەزار قەلئەسىگە يۆتكىلىپ مۇداپىئەدە تۇردى.
نەزار قورغىنىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى
نەزار قورغىنى مۇشۇ تەۋەلىكتىكى قورغانلار ئىچىدە ھەممىدىن مۇستەھكەم، ھەممىدىن پۇختا بىنا قىلىنغان قورغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار مۇسۇلمانلارنى: «بۇ قەلئەگە ھەرقانچە قىلسىمۇ كىرەلمەيدۇ ››، دەپ قاراپ، ئاساسلىق چوڭ قەلئەلىرى قولدىن كەتكەن بولسىمۇ، ئاياللار ۋە بالىلارنى مۇشۇ قەلئەگە يىغىپ مۇداپىئەدە تۇرغانىدى. مۇسۇلمانلار بۇ قەلئەنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئالدى ۋە ھەرتەرەپتىن بېسىمنى كۈچەيتتى. لېكىن قورغاننىڭ تاغ ئۈستىگە جايلىشىشتەك ئالاھىدىلىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇپ كىرىشتن توسۇپ قويغانىدى. يەھۇدىيلارمۇ قاتمۇ-قات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چېقىشقا پېتىنالمىدى. مۇسۇلمانلارنى ئوققا تۇتۇپ، تاش ئېتىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇردى. دېمەك نەزار قورغىنىنى ئېلىش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقتىن، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مۇسۇلمانلارنى مەنچەنىق ۋە دەببابە (ئىچىگە كىرىپ بېرىپ قورغاننى تېشىدىغان ۋە ياكى قورغان دەرۋازىسىغا ئوت قۇيىدىغان ھەربىي ئەسلىھە) قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشقا سېلىشقا بۇيرۇدى. ئارشكارىلىنىشچە، مۇسۇلمانلار بۇ ئەسلىھەلەر بىلەن دۈشمەن ئىستىھكاملىرىنى توپقا تۇتۇپ، مەزكۇر قورغاننىڭ تام-تورۇسلىرىدىن چوڭ-كىچىك شورا-سۈڭگۈچلەرنى ئاچقان ۋە شۇ يەردىن باستۇرۇپ كىرىپ قورغان ئىچىدە كەسكىن جەڭ قىلغان. ئاخىرى دۈشمەن تەرەپ پاجىئەلىك مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان. چۈنكى، ئۇلار ئالدىنقى سېپىللاردىن خوتۇن-بالىلىرىنى بىرگە ئېلىپ ئاستا-ئاستا چېكىنىپ قېچىۋالغىنىغا ئوخشاش، بۇ قەلئەدىن ئۇنداق ئاسان قېچىۋالالمىغان، قاچقانلارمۇ خوتۇن-بالىلىرىنى مۇسۇلمانلارغا تاشلاپ، جېنىنى ئېلىپ قاچقان. مۇداپىئەلىنىش شارائىتى ھەممىدىن مۇستەھكەم بولغان بۇ قورغاننىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن خەيبەر شەھىرىنىڭ بىرىنچى چوڭ بۆلىكى پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇ چوڭ بۆلەك نەتات ۋە شەيق رايونى بۆلىكى ئىدى. بۇ بۆلەكتە يەنە يۇقىرىقى قورغانلاردىن باشقا چوڭ-كىچىك بىر قانچە قورغان ۋە ئىستىھكاملار بار ئىدى. بىراق، يەھۇدىيلار ئەڭ مۇستەھكەم ۋە ئەڭ بىخەتەر بۇ قورغانلىرىنىڭ قولدىن كېتىشى بىلەن باشقا قورغانلارنى ئۆزلىكىدىن بوشىتىپ بېرىپ، خەيبەر شەھىرى ئىككنچى بۆلەك رايونىغا قېچىپ بېرىۋالدى.
خەيبەر شەھىرى ئىككىنچى بۆلەك رايونىنىڭ ئېلىنىشى
خەيبەر 1- بۆلەك، يەنى نەتات ۋە شەيىق رايونى ئىشغال قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ قوشۇنىنى خەيبەرنىڭ 2- بۆلەك رايونى، يەنى كەتىيبە (ھەربىي رايون) قورغىنى، ۋەتىيھە (ساي رايونى قورغىنى) ۋە سالالىم (بەنى نەزىرنىڭ كاتتىسى ئەبىلھوقەيقنىڭ قورغىنى) تەرەپكە يۆتكىدى. بۇ يەرگە نەتات ۋە شەيق رايونلىرىدا دەككىسىنى يەپ جان قۇتقۇزۇپ كېلىۋالغان قاچقۇن يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ مۇستەھكەم بىر مۇداپىئە تورى شەكىللەندۈرگەنىدى،تارىخچىلارنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ تەرجىمالى) مەزكۇر ئۈچ قورغاننىڭ قايسى بىرىدە ئۇرۇش بولغان ياكى بولمىغانلىقى توغرىسىدا قاراش ئوخشاش ئەمەس، ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدىن قارىغاندا، قەمۇس قەلئەسىنى ئېلىش جەريانىدا ئۇرۇش بولغانلىقى ئېنىق، بەلكى رىۋايەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا بۇ قورغان پەقەت ھەربىي كۈچ يەنى ئۇرۇش بىلەنلا ئىشغال قىلىنغان، سىياسى سۆزلىشىش ۋە بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق ۋاستىلارنىڭ كار قىلمىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئەمما ئىمام ۋاقىدى ‹‹خەيبەر 2- بۆلەك رايونىدىكى ئۈچ قەلئەنىڭ ھەممىسى پەقەت سۆزلىشىش ئارقىلىق سىياسى يول بىلەن ئېلىنغان›› ، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. ئېھتىمال قەمۇس قەلئەسى ئەتراپىدا بىر ئاز ئۇرۇش ۋە تىركىشىشلەر يۈز بەرگەنىدىن كېيىن ئاندىن سۆزلىشىش ۋە سىياسى جەھەتتىن ھۇجۇم قىلىش باشلانغان بولۇشى مۇمكىن ئەمما كېيىنكى ئىككى قورغان ئۇرۇشماي ۋە قان تۆكۈلمەيلا بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، خوش قانداقلا بولمىسۇن رەسۇلۇللاھ قوشۇننى بۇ تەرەپ (كەتىيبە)كە يۆتكەپ كەلگەنىدىن كېيىن، بۇ يەرنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئالدى. مۇھاسىرە 14 كۈنگە سوزۇلدى. يەھۇدىيلار قورغانلىرىدىن چىقماي يېتىۋەردى. ئاخىر رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا مەنچەنىق تىكلەپ توپقا تۇتماقچى بولۇۋىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ھالاك بولۇپ كېتىشىگە جەزىم قىلىپ رەسۇلۇللاھقا سۈلھى تۈزۈش تەكلىۋىنى سۇندى.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاق بايراق چىقىرىشى
ئەھۋال مۇشۇ يەرگە يەتكەندە، ئىبنى ئەبىلھوقەيىق رەسۇلۇللاھقا ئەلچى ئەۋەتىپ سۆزلىشىپ كۆرۈشۈش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇنى ماقۇل كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قورغان ئىچىدىكى چوڭ-كىچىك بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بەدىلىگە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلۈك، يەر-زېمىن، ئالتۇن-كۈمۈش، قوي-كالا ۋە ئۈستىگە كەيگەن كىيىمىدىن باشقا بارلىق نەرسىلىرىنى ھەتتا زىبۇ-زىننەت ھالقىلىرىغىچە مۇسۇلمانلارغا قالدۇرۇپ، بالا-چاقا خوتۇن-قىزلىرىنى ئېلىپ خەيبەردىن چىقىپ كېتىشكە كېلىشتى. كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش ئالدىدا رەسۇلۇللاھ ئىبنى ئەبىلھوقەيقىكە ‹‹ئەگەر مەندىن ھەرقانداق بىرنەرسىنى يوشۇرساڭلار، سىلەردىن ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ئەھدىسى ئۈزىلىدۇ››، دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇلار شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆنۈپ كېلىشىمگە ئىمزا قويدى ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن خەيبەر قورغانلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇنىڭ بىلەن خەيبەرنى ئىشغال قىلىش غەلىبىلىك تاماملاندى.
ئەبىلھوقەيقنىڭ ئىككى ئوغلى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى
كېلىشىمنامىدە يۇقىرىقىدەك سەمىمىي- سادىق بولۇش قاتتىق تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەبىلھۇقەيقنىڭ ئىككى ئوغلى نۇرغۇن مال مۈلۈكنى يوشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ھويەي ئىبنى ئەختەپنىڭ بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرى مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغاندا، خەيبەرگە يۆتكەپ كەلگەن ئەتىۋارلىق زىبۇ-زىننەت، ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ بار ئىدى. ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ : ‹‹رەسۇلۇللاھ كەنانەتور رەبىيئىنى چاقىرىپ (بەنى نەزىرنىڭ خەزىنە ماللىرى شۇنىڭ قولىدا ئىدى)، ئۇنىڭدىن ئاشۇ، خەزىنىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىغانىدى، ئۇ: «خەزىنىنىڭ ئورنىنى قەتئىي بىلمەيمەن»، دەپ تۇرۇۋالدى. يەھۇدىيلاردىن بىرئادەم كېلىپ: «مەن كەنانەنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەن مۇشۇ خارابىيلىقنى چۆگىلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم»، دەپ گۇۋاھلىق بەردى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ كەنانىگە: ‹‹ناۋادا ئاشۇ ماللارنى سېنىڭدىن تېپىۋالساق كاللاڭنى ئالسام بولامدۇ؟›› دەپ سورىغانىدى، كەنانە: ‹‹ بولىدۇ ››، دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام خارابىيلىقنى قېزىشقا بۇيرىدى. نەتىجىدە، ئۇيەردىن بەنى نەزىر ماللىرىنىڭ بىر بۆلىكى تېپىۋېلىندى. ئاندىن ئۇنىڭدىن قالغان قىسمى سورالغانىدى، ئۇ مەسىلىنى تاپشۇرغىلى ئۇنىمىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۇنى زۇبەيرگە بېرىپ: ‹‹ئۇنى ئەدەپلىگىن ، ئۇ يوشۇرۇپ قويغان نەرسىلەرنى تېپىۋالايلى››، دېدى زۇبەير ئۇنىڭ كۆكرىكىگە ئۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالدى. ئاندىن ئۇنى رەسۇلۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمىگە بەرگەنىدى، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئۇنى قېرىندىشى مەھمۇد ئىبنى مەسلەمىنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئۆلتۈردى (مەھمۇد نائىم قورغىنىنىڭ تۈۋىدە سايىداۋاتقاندا ئۈستىگە تاش تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنىدى). ئىبنى قەييۇم مۇنداق دېگەن: ‹‹رەسۇلۇللاھ ئەبىلھوقەيقنىڭ ئىككى ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئەھدىگە خىيانەت قىلغانلىقىنى كەنانەنىڭ بىر نەۋرە تۇققىنى (يەنى ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى) ئىقرار قىلغان. رەسۇلۇللاھ يەنە ھويەي ئىبنى ئەختەپنىڭ قىزى سەپىييەنى ئولجا ئالدى. ئۇ ئەبىلھوقەيقنىڭ ئوغلى كەنانەنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇلار ئەمدىلا بىر تەكىيىگە باش قويغانلار ئىدى.
خەيبەر غەنىمەتلىرىنىڭ تەقسىم قىلىنىشى
رەسۇلۇللاھ خەيبەر يەھۇدىيلىرىنى بۇ يەردىن سۈرگۈن قىلىۋىتىپ، ئاندىن خەيبەر زېمىنى ۋە ئولجىلىرىنى بىراقلا تەقسىم قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەنىدى. يەھۇدىيلار: ‹‹بىزنى مۇشۇ زېمىندا قالدۇرساڭ، بىز ئۇنى تېرىپ-تىكىپ گۈللەندۈرسەك، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز›› ، دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى. ئەمەلىيەتتىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابە كىراملارنىڭ ئۇ يەرلەرنى تېرىپ-تىكىپ باشقۇرۇپ بېرىدىغان مۇلازىم-چاكارلىرى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ بۇ ئىشلارغا ئېشىنالمايتتى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇلارغا خەيبەر زېمىندىن چىققان مەھسۇلاتنىڭ يېرىمىنى بىرىشكە، قالغان يېرىمىنى مۇسۇلمانلارغا تاپشۇرۇشقا كېلىشتى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ خالىغان مۇددەتكىچە تۇرۇپ تۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە ئۇلارغا خەيبەر زېمىنلىرىنى تەخمىنى باھالاپ بېكىتىپ بېرىشكە مەسئۇل بولدى. خەيبەر زېمىنى 36 (ئوتتۇز ئالتە) بۆلەككە بۆلۈندى. ھەر بىر بۆلەك يۈز ئۈلۈش ھوسۇللۇق ئېتىزغا ئايرىلدى. نەتىجىدە، خەيبەر جەمئىي 3600 (ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز) ئۈلۈشلۈك ھوسۇل ئېتىزى قىلىپ بىكىتىلدى. مەدىنە تەرەپكە 1800 (بىرمىڭ سەككىز يۈز) ئۈلۈش ھوسۇل قالدى. رەسۇلۇللاھمۇ ئاۋام مۇسۇلمانلار قاتارىدا بىركىشىلىك نېسىۋە ئالدى. چۈنكى، خەيبەر غەنىمەتلىرى 1800 ئۈلۈش قىلىپ تەقسىم قىلىنغانىدى. مۇنداق بولۇشى بۇ غەنىيمەتلەر ئاللاھنىڭ ھۇدەيبىيە غازىتىغا قاتناشقان مۇجاھىد مۇسۇلمانلارغا ئىلتىپات قىلغان ھەدىيەسى بولۇپ، ئۇلاردىن بۇ قېتىمقى جەڭگە قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىرى بولسۇن، ھەممىسىگە نېسىۋە تېگىشى كېرەك ئىدى. ھۇدەيبىيە مۇجاھىدلىرى 1400 كىشى بولۇپ، ئىككى يۈز ئاتلىق بار ئىدى. شۇڭا ھەر بىر ئاتقا ئىككى ئۈلۈش، ئىگىسىگە بىر ئۈلۈش جەمئىي ھەربىر ئاتلىق ئۈچ ئۈلۈش نېسىۋە ئالدى. قالغانلار بىر ئۈلۈشتىنلا نىسىۋىگە ئىگە بولدى. خەيبەر غەنىمەتلىرىنىڭ موللۇقىنى شۇنىڭدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇكى، ئىمام بۇخارى ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىپ: ‹‹بىز خەيبەرنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئاش-تاماققا تويۇنغانىدۇق›› ، دېگەن. يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹‹خەيبەر قولغا كېلىۋىدى، ئەمدى خورمىغا تويىدىغان بولدۇق دىدۇق›› ، دېگەنىدى. نېمىلا بولمىسۇن، رەسۇلۇللاھ خەيبەردىن قايتىپ كەلگەنىدىن كېيىن، ئەنسارلار مۇھاجىرلارغا بۇرۇن ئۆتۈنۈپ بەرگەن خورمىلىق ۋە باغۋارانلىرىنى قايتۇرۇپ بەردى. چۈنكى، ئەمدى مۇھاجىرلارنىڭمۇ يەر-زېمىنلىرى بار بولغانىدى.
جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىب ۋە ئەشئەرىيلەرنىڭ قايتىپ كېلىشى
بۇ غازاتنىڭ غەنىمەتلىرىنى تەقسىم قىلىش ھارپىسىدا رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى (ئەبۇ تالىب)نىڭ ئوغلى جەئفەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھەبەشىستاندىن قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەبۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ باشقا ئەشئەرى ھەمراھلىرىمۇ بارئىدى. ئەبۇ مۇسا مۇنداق دەيدۇ: ‹‹بىز رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ چىققانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئۇ چاغدا بىز يەمەندە ئىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز (مەن ۋە ئىككى قېرىندىشىم بىرلىكتە) جەمەتىمىزدىن ئەللىك نەچچە كىشى بىلەن بۇ تەرەپكە ھىجرەت قىلىپ چىقتۇق. بىز بىر كېمىگە ئولتۇرغانىدۇق. بۇ كېمە بىزنى ھەبەشىستان (نەجاشىينىڭ تەۋەلىكى)گە ئاپىرىپ قويدى. ئۇ يەردە بىز جەئفەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇ بىزگە: ‹‹رەسۇلۇللاھ بىزنى مۇشۇ يەردە تۇرۇشقا ئەۋەتتى. شۇڭا سىلەرمۇ بىز بىلەن تۇرۇپ تۇرۇڭلار››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاشۇلار بىلەن بىر مۇددەت تۇرۇپ قېلىپ كېيىن كەلگەنىدۇق. بىز رەسۇلۇللاھنىڭ دەل خەيبەرنى ئېلىشقا ماڭغان ۋاقتىغا ئۇدۇل كەپتۇق. ئۇنىڭ كەينىدىن خەيبەرگە بارساق ئۇ خەيبەرنى ئېلىپ بولغانىكەن، ئۇ بىزگىمۇ بىر ئۈلۈش غەنىمەت بۆلۈپ بەردى. ئەمما، بىزدىن باشقا خەيبەر پەتھىسىگە قاتناشمىغان بىرمۇ ئادەمگە بىر تىيىن بەرمىدى. شۇنداق قىلىپ جەئفەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يېتىپ كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇنى سۆيۈپ كەتتى ۋە مۇنداق دېدى: ‹‹ئەزبىرايى خۇدا! نېمىگە خۇشال بولۇشىمنى بىلمەي قېلىۋاتىمەن، خەيبەرنىڭ ئېلىنغىنىغىمۇ؟ ياكى جەئفەرنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كەلگىنىگىمۇ؟››. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرى ئىبنى ئومەييە زەمەرى ئارقىلىق مۇھاجىرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش توغرىلىق نەجاشىغا يوللىغان مەكتۇبى يېتىپ بارغاندىن كېيىن يولغا چىققانىدى. نەجاشى ئۇلارنى ئىككى كېمە بىلەن يولغا سالدى. ئۇ يەردىكى مۇھاجىرلار جەمئىي 16 كىشى بولۇپ، بالا-چاقىلىرى بىرگە كەلگەن ئىدى. ئۇلاردىن باشقا مۇھاجىرلار خېلى بۇرۇنلا بىردىن-ئىككىدىن مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ بولغانىدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ سەفىيەگە ئۆيلىنشى
بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ سەفىيەگە ئۆيلىنشى”بىز يۇقىرىدا سەفىيەنىڭ ئېرى كەنانە كېلىشىمگە خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ سەفىيەنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدۇق. ئەسىرلەر بىر يەرگە جەملىنىپ تەقسىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. دىھيە ئىبنى خولەيفەتولكەلبى (نوپۇزلۇق بىر ساھابە) كېلىپ: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا ئەسىرلەردىن بىر چۆرە (ئايال قۇل) ئىلتىپات قىلساڭ›› ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹‹بارغىن ئۆزۈڭ خالاپ بىرنى ئېلىپ كەت››، دېگەنىدى. ئۇ بېرىپلا سەفىيەنى تاللاپ ئېلىپ ماڭدى. بۇ چاغدا بىر كىشى: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! سەن دىھيەتولكەلىبىيگە بەنى قۇرەيزە ۋە بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ سەردارى ھۇيەينىڭ قىزى — ئەڭ بەلەن ئايالنى ئىلتىپات قىلىۋەتتىڭ، ئۇ دېگەن ساڭىلا لايىق كېلەتتى›› ، دېدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ: ‹‹دىھيەنى چاقىرىڭلار ›› ، دېدى. دىھيە سەفىيەنى ئېلىپ كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى كۆرۈپ: ‹‹ بارغىن ئۇنىڭدىن باشقا بىرسىنى تاللىغىن›› ، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلغانىدى. ئۇ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئازات قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ھۆرلىكىنى ئۇنىڭغا تويلۇق قىلىپ بېرىپ ئۇنى ئەمرىگە ئالدى. قايتىشتا سەددوسەھبا دېگەن يەرگە كەلگەندە، ئىددىتى چىقىپ ھالال بولۇۋىدى، ئوممى سۇلەيىم ئۇنى ياساندۇرۇپ رەسۇلۇللاھقا قېتىپ قويدى. رەسۇلۇللاھ شۇ كېچىسى سەفىيە بىلەن بىر تەكىيگە باش قويدى. ئەتىسى ئەتىگەن جامائەتچىلىككە خورما ھالۋىسى قىلىپ توي زىياپىتى بەردى ۋە يول بويى ئۈچ كېچىنى سەفىيە بىلەن بىرگە ئۆتكۈزدى. رەسۇلۇللاھ سەفىيەنىڭ چىرايىدا تاياق زەربىسىدىن بولغان كۆكنى كۆرۈپ: ‹‹ئۇ نېمە ئىششىق؟›› دەپ سورىغانىدى، سەفىيە: «ئى رەسۇلۇللاھ! سىلەر بىزگە ھۇجۇم قىلىش ھارپىسىدا بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە ئاسماندىكى ئاي ئورنىدىن قوزغىلىپ كېلىپ مەن بىلەن بىر تەككىيگە باش قويغۇدەك. ئەزبىرايى خۇدا، مەن بۇ چۈشۈمنىڭ ھازىرقى سەن بولۇپ قېلىشىڭنى ھەرگىز ئويلىمىغانىدىم، مەن ئۇ چۈشنى ئېرىم كەنانىگە ئېيتىپ بېرىۋىدىم، ئۇ: ‹مەدىينىدە باش كۆتۈرگەن ئاشۇ پادىشاھنى ئارزۇ قىلىپ شۇنداق چۈش ياسىدىڭ›، دەپ مېنى ئۇرغان»، دېدى.
زەھەرلەنگەن قوينىڭ كاشىلىسى
رەسۇلۇللاھ خەيبەرنى ئىشغال قىلىپ ھەربىي ھەرىكەتلەردىن خاتىرجەم بولۇپ ئولتۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەلام ئىبنى مۇشكەمنىڭ ئايالى زەينەب (ھارىسنىڭ قىزى) بىر قوينى زەھەرلەپ پىشۇرۇپ ‹‹ھەدىيە›› دەپ كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇ خوتۇن رەسۇلۇللاھنىڭ قوي سېنىغا ئامراق ئىكەنلىكىنى سوراپ ئوقۇپ، شۇ يەرگە زەھەرنى كۆپرەك سېلىپ ۋە باشقا يەرلىرىنىمۇ زەھەرلەپ ئېلىپ كەلگەنىكەن. قوي رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا قويۇلىۋىدى، ئۇ قوينىڭ سېنىنى ئاجرىتىۋېلىپ ئېغزىغا بىر چىشلەم سېلىپلا ئازراق چايناپ تۈكۈرۈپ تاشلىدى ۋە: ‹‹ بۇ ئۇستىخان ماڭا ئۆزىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى››، دېدى. ئاندىن ئۇنى چاقىرتىپ سوراق قىلغانىدى، ئۇ ئېتىراپ قىلدى. رەسۇلۇللاھ: ‹‹ بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلدىڭ؟›› دېگەنىدى ئۇ: ‹‹ئەگەر پادىشاھ بولسا ئۆلىدۇ، ئارام تاپىمىز، ناۋادا ھەقىقىي پەيغەمبەر بولسا تەسىر قىلمايدۇ، ئەگىشىمىز دەپ قىلغان››، دەپ تۇرۇۋالدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتى. رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ھېلىقى گۆشتىن يېگەنلەر ئىچىدە بەررائ ئىبنى مەئرورنىڭ ئوغلى بىشرى بار ئىدى. ئۇ بىر چىشلەم يۇتۇپ سالغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتتى. بۇ خوتۇنغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ياكى كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر ئوخشاش ئەمەس. شۇڭا، تارىخشۇناسلار: ‹‹رەسۇلۇللاھ ئاۋۋال كەچۈرۈم قىلغانىدى، كېيىن بىشرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قىساس ئۈچۈن ئۇ ئايالنى ئۆلتۈردى›› ، دېگەن يەرگە كېلىشتى.
خەيبەر ئۇرۇشىدا ئىككى تەرەپتىن چىقىم بولغانلار
خەيبەر جەڭ مەيدانىدا مۇسۇلمانلاردىن شەھىد بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئومۇمى سانى 16 كىشىگە يەتتى. قۇرەيشتىن تۆت، ئەسلەم قەبىلىسىدىن بىر ۋە خەيبەرلىك بىر، قالغانلىرى ئەنسارلاردىن ئىدى. يەنە بىر سۆزدە مۇسۇلمانلاردىن شەھىد بولغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 18 دىيىلىدۇ، ئەللامە مەنسور پۇرى 19 ئادەم دەيدۇ، ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹مەن ئىنچكىلەپ تەكشۈرۈپ ئىزدەنگەنىدىن كېيىن شەھىد بولغانلار قاتارىدا 23 كىشىنىڭ ئىسمىنى تاپتىم. ئۇلارنىڭ بىرىنى ئىمام تەبرى تىلغا ئالدى، يەنە بىرىنى ئىمام ۋاقىدى زىكرى قىلدى ۋە بىرى زەھەرلەنگەن قوينى يەپ سېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى»، دەيدۇ. ئاخىرقى بىرى بەدردە ئۆلتۈرۈلگەنمۇ ياكى خەيبەردە ئۆلتۈرۈلگەنمۇ ئىختىلاپ بار، ئەمما يەھۇدىيلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 93 (توقسان ئۈچ) كىشىدۇر.
فەدەك
رەسۇلۇللاھ خەيبەرگە يېتىپ بېرىپلا مەھىيسە ئىبنى مەسئۇدنى فەدەك يەھۇدىيلىرىنى ئسلامغا دەۋەت قىلىشقا ئالدىن ئەۋەتكەنىدى، ئەمما ئۇلار دەرھال گەپكە كىرمەي ياكى جاۋاب قايتۇرماي ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشتى. ئاللاھ خەيبەرنى مۇسۇلمانلارغا ئىلتىپات قىلىۋىدى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرقۇنچ چۈشۈپ، رەسۇلۇللاھقا ئەلچى ئەۋەتىپ خەيبەرلىكلەرگە ئوخشاشلا فەدەك مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمىنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. مۇسۇلمانلار فەدەكنى ئۇرۇش قىلماي ئالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ كىرىمى مەخسۇس رەسۇلۇللاھنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولدى. ئۇنى رەسۇلۇللاھ ئۆز ئائىلىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتتى.
ۋادىلقۇرا
رەسۇلۇللاھ خەيبەرنىڭ ئىشلىرىدىن بوشىنىپلا ۋادلقۇراغا يۈرۈپ كەتتى. چۈنكى، ئۇ يەردىمۇ بىر بۆلۈك يەھۇدىيلار ۋە قىسمەن ئەرەبلەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ئۇلار ئۆزئارا ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، ئەكسىيەتچىل مەيداندا جان-جەھلى بىلەن چىڭ تۇرۇۋاتاتتى. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئۇ يەرگە يېتىپ بىرىۋىدى، دۈشمەن تەرەپ تولۇق تەييارلىق بىلەن تۇرغاچقا مۇسۇلمانلارنى قارا- يامغۇردەك ئوققا تۇتۇشتى. ئېتىشىش داۋامىدا رەسۇلۇللاھنىڭ چاكىرى (قۇلى) مۇدئەم ئۆلۈپ كەتتى. كىشلەر: ‹‹خۇش مۇبارەك ئەھلى جەننىتى بولغىنىغا، مۇبارەك››، دېيىشىكەنىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹يوقسۇ، ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ خەيبەردە تەقسىماتقا كىرمىگەن ئەھۋالدا ئىگەللىۋالغان تون چاپان ئۇنىڭغا ئوت ياقىدۇ›› ، دېدى. كىشىلەر بۇنى ئاڭلاپ بىرى بىرتال تانا يەنە بىرى بىرتال ياكى ئىككى تال بوغۇچ كۆتۈرۈپ كېلىپ ئومۇمغا تاپشۇردى. رەسۇلۇللاھ: ‹‹بىر دانە ئوت بۇغۇچ ياكى ئىككى دانە ئوت بۇغۇچ›› دەيتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ قوشۇننى جەڭگە سەپەرۋەر قىلىدى ۋە قىسىملارغا بۆلۈپ سەپ تۈزدى. جەڭ تۇغىنى سەئەد ئىبنى ئۇبادىگە تۇتقۇزدى. قىسىملارنىڭ ئەلەملىرىدىن بىرنى ھۇباب ئىبنى مۇنزىرگە، يەنە بىرنى سەھل ئىبنى ھەنىفكە ۋە يەنە بىرنى ئابباد ئىبنى بىشرىگە بەردى. ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۇلارنى ئىسلامغا (يەنى تەسلىم بۇلۇشقا) چاقىردى. ئۇلار تەكلىپنى رەت قىلىپ يەكمۇ- يەك ئېلىشىشقا ئادەم چىقاردى. ئۇنىڭغا قارشى بىز تەرەپتىن زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام چىقىپ ھايال قىلماي ئۆز رەقىبىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋەتتى. يەنە بىرەيلەن سەكرەپ چىققانىدى، ئۇنىمۇ ئەپچىللىك بىلەن ئۇجۇقتۇرۇپ قويدى. ئارقىدىن يەنە بىر يەھۇدىي چىققانىدى ئۇنىڭغا قارىتا ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب چىقىپ قوغلاپ يۈرۈپ چېپىۋەتتى. ئەلى مەيدانغا بىر چىققانچە ئۇلاردىن ئارقا- ئارقىدىن چۈشكەن ئون بىر ئادەمنى قىلىچلاپ يوقاتتى. ئۇ ھەر بىر يەھۇدىينى ئۇ ئالەمگە ئۇزاتسا كېيىنكىلىرىنى ھەقىقەتكە تەن بېرىپ تەسلىم بولۇشقا چاقىراتتى. شۇ كۈنى ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرسە، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر بىلەن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇۋېتىپ بازىغا قايتاتتى-دە، ئاندىن ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلىپ ھەتتا كەچ كىرگەنگە قەدەر جەڭ قىلاتتى. بىر كۈنى ئاخشىمى ھۇجۇمنى بۇرۇنراق توختۇتۇپ ئەتىسى ئەتىگەن كۈن چىقىشنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا ھۇجۇم قوزغىغانىدى، ئۇلار قوللىرىدىكى بارلىق نەرسە-كېرەكلىرىنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. رەسۇلۇللاھ ۋادلقۇرانى غالىب ھەربىي كۈچ بىلەن ئىگەللەپ، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى غەنىيمەت ئالدى. ئاللاھ رەسۇلۇللاھنى نۇرغۇن ئۆي سەرەمجان ۋە رەخ-ماتالارغا ئىگە قىلدى. ۋادىلقۇرا ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئۇ يەردە تۆت كۈن تۇرۇپ ساھابىلەرگە غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلىپ بەردى. يەر-زېمىن دەل-دەرەخ ۋە ئۈزۈم-خورمىلارنى يەرلىك ئاھالىلارغا (خەيبەرلىكلەر بىلەن كېلىشكەندەك) تەڭ شېرىكلىككە بىرىۋەتتى.
تەيمائ
تەيمائ يەھۇدىيلىرى، ئاۋۋال خەيبەرلىكلەرنىڭ ئارقىدىن فەدەك ۋە ۋادلقۇرالىقلارنىڭ بىر-بىرلەپ تەسلىم بولۇشقانلىقلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزلىكىدىن مۇسۇلمانلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ، سۈلھى تەلەپ قىلىشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل كۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك يۇرت مەھەللىسىگە تېگىش قىلمىدى ۋە ئۇلارغا تۆۋەندىكىدەك ئامانلىق خېتى يېزىپ بەردى:
بۇئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدنىڭ بەنى ئادىيا خەلقىگە يېزىپ بەرگەن پۈتۈكنامىسىدۇر. بەنى ئادىيا خەلقى مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ، ئۇلار مۇسۇلمانلارغا باج تاپشۇرىدۇ، ئۇلار ئەھدىگە ۋاپا قىلسىلا ئىززەت-ھۆرمىتى دەخلىگە ئۇچرىمايدۇ. يۇرت ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلمايدۇ. كېچە قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ھامان تاڭ يورۇيدۇ . (ۋەسسالام)
دېدى. مەكتۇپنى خالىي ئىبنى سەئىد يېزىپ بەردى.
مەدىنىگە قايتىش
سۈلھىدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قاراپ يول ئالدى. يول ئۈستىدە بىر كۈنى كېچە بىر ۋاقىتقىچە يول يۈرۈپ، ھەتتا ئاخىر كېچە بولغاندا ئاندىن ئۇخلاش ئۈچۈن بىر قونالغۇغا كېلىپ چۈشتى ۋە بىلالغا: ‹‹سەن بۈگۈن ئۇخلىماي بىزنى بامداتقا ئويغاتقىن››، دەپ تاپىلىغانىدى. بىلال تۆگىسىنىڭ توقۇمىغا يۆلىنىپ ئۇخلىماي ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئاخىىر بىر چاغدا كۆزى ئىختىيارسىز ئۇيقىغا كېتىپ قالدى. ھەتتا قۇياش نۇرى ئۇلارنىڭ يۈزىگە چۈشكەنگە قەدەر ئۇلاردىن بىرمۇ ئادەم ئويغانمىغاندى. بۇ چاغدا ئەڭ بالدۇر ئويغانغان كىشى يەنىلا رەسۇلۇللاھ بولدى. ئۇ ئويغىنىپلا بۇ يەردىن قوزغىلىپ باشقا بىر ۋادىغا چىققاندىن كېيىن ناماز ئوقىدى. بەزى تارىخچىلار: ‹‹بۇ ۋەقە باشقا بىر سەپەردە يۈز بەرگەن»، دېيىشىدۇ.
خەيبەر غازىتنىڭ تەپسىلاتىغا ئىنچىكىلەپ نەزەر سالغىنىمىزدا، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ غازاتتىن ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى سەپەر (2- ئاي) نىڭ ئاخىرلىرى رەبىيئولئەۋۋەل (3- ئاي) نىڭ باشلىرى قايتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
ئەببان ئىبنى سەئەد قوشۇنى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بەدەۋى ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇلاڭچىلىق ۋە قاراقچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ بىخۇدلىشىشىنى كۈتۈپ مەدىنە ئەتراپىدا پايپاسلاپ يۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، ھەرەم ئايلىرى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا بىپەرۋالىق قىلىپ مەدىنىنى ئەسكىرىي كۈچىتىن ئايرىۋىتىش ھەرگىز ئاقىلانىلىك بولمايدىغانلىقىنى ھەرقانداق بىر ھەربىي مۇتەخەسسىستىنمۇ ئوبدانراق بىلەتتى. شۇڭا ئۇ خەيبەرگە يېتىپ بارغان ھامان نەجدى تەرەپتىكى بۇلاڭچىلىق ۋە قاراقچىلىققا ئادەتلەنگەن قىر ئەرەبلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئەببان ئىبنى سەئەد باشچىلىغىدا قوشۇن ئەۋەتكەنىدى. ئەببان ئۆز ۋەزىپىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئادا قىلىپ، ئۇدۇل خەيبەرگە قايتىپ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بىلەن شۇ يەردە ئۇچراشتى. بۇ چاغدا خەيبەر ئېلىنىپ بولغانىدى. بۇ قوشۇن شۇ يىلى سەپەر ئېيىدا ئەۋەتىلگەن بولۇشى ئېھتىمالغا كۆپ يېقىن. بۇ قوشۇن توغرىسىدا سەھىھۇلبۇخارىدىمۇ ھەدىسلەر رىۋايەت قىلغان.
ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى ئېلىپ بېرىلغان غازاتلار ۋە ئەۋەتىلگەن قوشۇنلار
زاتۇررىقائ غازىتى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام دۈشمەن ئۈچ بىرلەشمە قانىتىدىن ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ جاھىل (يەنى قۇرەيش مۇشىرىكلىرى ۋە خەيبەرنى بازا قىلغان يەھۇدىي مەككارلىرى قاتارلىق) قاناتتىن ئىككى چوڭ قاناتنى تەلتۆكۈس سۇندۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى سول قانات دۈشمەنگە، يەنى نەجدى تۈزلەڭلىكىدە چېپىپ يۈرۈپ پۇرسەت تاپسىلا قاراقچىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئوغرىلىق جىنايەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قارا قورساق بەدەۋىيلەرنىڭ ئەدىبىنى بېرىشكە ئاتلاندى. بۇ بەدەۋىيلەر مەلۇم بىر كەنتتە ياكى بىر شەھەردە ئولتۇراقلاشمىغان ۋە ياكى مەلۇم بىر تەۋەلىككە تەۋە بولۇپ، بىر سىياسى كۈچ ئۇلارنى ئىدارە قىلمىغان ۋە ياكى بىرەر قەلئە ياكى سېپىلنى ماكان تۇتۇپ، شۇ جايدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلمىغان بولشغاچقا ئۇلارغا زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەش مەككىلىكلەر ۋە خەيبەرلىكلەرگە قارىغاندا كۆپ قىيىنغا توختايتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت يىراقتىن تور سېلىپ، يېقىندىن قارىغا ئېلىش تەدبىرىنى قوللانغاندىلا ئاندىن ئانچە-مۇنچە مەقسەتكە يەتكىلى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ بۇلارغا قارىتا بىردە ئارقاننى ئۇزۇن قويۇۋىتىش، يەنە بىردە ھۇجۇم قىلىپ ئەدىبىنى بېرىش تاكتىكىسىنى قوللاندى.
خوش… كۈچ كۆرسىتىپ ھەيۋە قىلىپ قويۇش ئۈچۈنمۇ (ياكى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن توپلىشىۋاتقانلىق خەۋىرى ئاڭلانغانلىقى ئۈچۈنمۇ) ھەرھالدا رەسۇلۇللاھ بۇ قېتىم ئۇلارغا قارىتا بىر ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى. بۇ ھەرىكەت تارىختا زاتوررىقائ غازىتى دەپ ئاتالدى. تارىخچىلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ غازات ھىجىرىيىنىڭ 4- يىلى ئېلىپ بېرىلغان دەيدۇ. لېكىن، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)لارنىڭ بۇ غازاتقا قاتناشقانلىقى، مەزكۇر غازاتنىڭ خەيبەر غازىتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ غازاتنىڭ ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى رەبىئولئەۋۋەلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېھتىمالغا كۆپ يېقىن.
غازات ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام غەتپان قەبىلىسىدىن ئەنمار، بەنى سۆئلەبە ۋە بەنى مۇھارىبە ئايماقلىرى توپلىشىپ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ مەدىنىگە قارىتا تەمە كۆزىنى تىكىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، مۇسۇلمانلاردىن 400 ياكى 700 كىشىنى تەشكىللىدى ۋە ئۆز ئورنىدا مەدىنىدە ئەبۇ زەرنى، يەنە بىر سۆزدە ئوسمان ئىبنى ئەففاننى قالدۇرۇپ، ئۇلار تەرەپكە ئاتلاندى. رەسۇلۇللاھ ناھايىتى جىددىي يول يۈرۈپ ئۇلارنىڭ دىيارىغا ئىچكىرلەپ كىردى. ھەتتا مەدىنىدىن ئىككى كۈنلۈك يىراقلىقتىكى ‹‹نەخلى ›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايغا يېتىپ باردى ۋە ئۇ يەردە غەتپانلىقلاردىن بىر توپ كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتى. ئەمما، ئۇلار بىلەن كېلىشىپ ئارىدا ئۇرۇش بولمىدى. شۇنداقتىمۇ رەسۇلۇللاھ شۇ كۈنلۈك نامازنى ‹‹سەلاتولخەۋف››، يەنى ئۇرۇش ھالىتىدە ئوقۇلىدىغان تەرىقىدە ئوقىدى. سەھىھولبۇخارىدا ئەبومۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: «بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن زاتوررىقائ غازىتغا چىققانىدۇق، بۇ غازاتتا پەقەت ئالتە كىشىگە بىر تۆگە توغرا كېلەتتى. بىز نۆۋەت ئالمىشىپ مىنەتتۇق. شۇنداقتىمۇ پۇتلىرىمىز قاپىرىپ، تاپانلىرىمىز تېشىلىپ كەتتى. جۈملىدىن مېنىڭ پۇتۇم تېشىلىپ ئېچىلىپ كەتتى، ھەتتا تىرناقلىرىم چۈشۈپ كەتتى. ھەممەيلەن پۇتلىرىغا لاتا-پۇتا تېڭىۋالغانىدى. شۇڭا بۇ غازات ‹رىقائ › (لاتا-تېڭىق) غازىتى دەپ ئاتالدى». مۇشۇ ھەقتە يەنە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: « زاتۇررىقائ غازىتىدا بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئىدۇق. سەپەر داۋامىدا دەم ئېلىشقا توغرا كەلسە، سايىسى ياخشىراق دەرەخنى ئۇچراتساق، ئۇنى رەسۇلۇللاھقا قالدۇرۇپ، بىز باشقا سايە ياكى دەم ئېلىش ئورنى ئىزدەپ تاراپ كېتەتتۇق. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ بىر تۈپ دەرەخ تۈۋىگە چۈشۈپ قىلىچنى ئاشۇ دەرەخكە ئېسىپ قويۇپ ئارام ئېلىشقا باشلىغانىدى، بىزمۇ ئەتراپقا تاراپ ئۇخلاپ قاپتۇق. شۇ ئەسنادا بىر مۇشرىك كېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ قىلىچىنى قولىغا ئاپتۇ-دە، شارت قىلىپ سۇغۇرۇپ رەسۇلۇللاھقا تەڭلەپتۇ ۋە: ‹‹مەندىن قورقامسەن؟›› دەپتۇ، رەسۇلۇللاھ: ‹‹ياق قورقمايمەن››، دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن، ئۇ: ‹‹سىنى مەندىن كىم توسۇپ قالالايدۇ؟›› دەپتۇ، رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئاللاھ توسۇپ قالىدۇ››، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بىر چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ بىزنى توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بىز كەلسەك رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا بىر بەدەۋى مۆكۈنۈپ بىچارە ھالەتتە ئولتۇرۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ ۋەقەنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹مەن ئۇخلاۋاتاتتتىم، توساتتىن بۇ ئادەم كېلىپ قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغارغاندەك قىلدى. ئويغىنىپ قارىسام، ئۇ بېشىمدا قىلىچىمنى يالىڭاچ تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇ مەندىن: ‹سنى كىم قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ؟› دېگەنىدى، مەن: ‹ئاللاھ قۇتقۇزۇپ قالىدۇ › ، دېدىم. مانا بۇ ھازىر ئولتۇرۇۋاتىدۇ›، دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا باشقا گەپ سۆز قىلمىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە شۇنىڭ بىلەن نامازغا تەكبىر ئوقۇلدى. رەسۇلۇللاھ غازاتچىلارنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ بىر بۆلەك بىلەن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. ئۇلار كەينىگە چېكىنىپ ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈۋىدى، يەنە بىر بۆلەك كېلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. نەتىجىدە، رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى تۆت رەكئەت، جامائەتچىلىكنىڭ ئىككى رەكئەتتىن بولۇپ تاماملاندى». ئەبۇ ئاۋانەنىڭ رىۋايىتىدە: رەسۇلۇللاھ ھېلىقى گەپنى قىلغاندىن كېيىن ئۇ بەدەۋىينىڭ قۇلى تىتىرەپ قىلىچ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.
شۇنىڭ بىلەن قىلىچنى رەسۇلۇللاھ قولىغا ئېلىپ: ‹‹ئەمدى سېنى مەندىن كىم توسۇپ قالالايدۇ؟››دېگەندە، ئۇ: ‹‹ماڭا ياخشىلىق قىلساڭ››، دەپ يالۋۇرغان. رەسۇلۇللاھ: ‹‹شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بۇلامسەن؟›› دېگەن. بەدەۋىي: ‹‹مەن ساڭا قارشى ئورۇش قىىلماسلىققا ۋە ئۇرۇش قىلغانلارغا ھەمقام بولماسلىققا ئەھدى بەرسەم››، دەپ تۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇۋەتكەن. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «مەن ئەڭ ياخشى ئادەمنىڭ ھوزۇرىدىن كەلدىم»، دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلغان.
ئىمام بۇخارىنىڭ مۇسەدەدتىن، ئۇ ئەبى ئاۋانەدىن، ئۇ ئەبۇ بېشرىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ بەدەۋىنىڭ ئىسمى غەۋرەس ئىبنى ھارىس ئىكەن. ئىبنى ھىجرى مۇشۇ قىسسىدە بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى دوئسۇر ئىدى، ئۇ مۇسۇلمان بولغان، دېگەن. لېكىن، ئۇنىڭ گېپىدىن قارىغاندا، بۇ ئىككىسى ئىككى ئىشتەك قىلىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.
مۇسۇلمانلار مۇشۇ غازاتتىن قايتىش يولىدا مۇشرىكلار تەرەپتىن بىر ئايالنى ئەسىر ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئېرى قەسەم ئىچىپ: ‹‹مۇھەممەدنىڭ قوشۇنىدا قان تۆكمەيدىغان بولسام››، دېگەننى ئۆزىگە نەزىر قىلىپ كېچىلەپ كېلىپ مۇسۇلمانلارنى ماراپ مۆكۈنۈپ يېتىپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالاممۇ مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشىنى كۆزەتچىلىككە قويۇپ، دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت ئاۋارىچىلق تۇغدۇرۇشىدىن مۇداپىئەلەنگەنىدى. كۆزەتچىلەر ئابباد ئىبنى بىشرى ۋە ئەممار ئىبنى ياسىرلار بولۇپ، ئەممار ئۇخلىغان ئىكەن، ئەبباد ناماز ئوقۇۋاتقانىكەن. ھېلىقى كىشى ئەببادقا ئوق ئۈزۈپتۇ، ئەبباد نامىزىنى بۇزماي، ئۇ ئاتقان ئوقنى تېنىدىن سۇغۇرۇۋىتىپ، نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىپتۇ. ھېلىقى ئادەم ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پاي ئوق ئۈزگەنىكەن، ئەبباد ئاخىرى سالام بېرىپ نامازدىن چىقىپتۇ-دە، ئەممارنى ئويغىتىپتۇ. ئەممار ئەھۋالنى ئۇقۇپ: ‹‹سۇبھانەللاھ!… نېمىشقا مېنى ئويغاتمايسەن؟›› دېگەنىكەن، ئەبباد: ‹‹مەن بىر سۈرىنى باشلىغانىدىم، ئۇنى ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپ نامازدىن قايتىشنى رەۋا كۆرمىدىم›› ، دەپ جاۋاب بەردى.
خوش… بۇ غازاتنىڭ ئاشۇ قارا قورساق قاراقچى بەدەۋىيلەرنىڭ دىللىرىغا ۋەھىمە سېلىپ، ئۇلارنى ھەيۋە بىلەن جىمىقتۇرۇشتا زور ئەھمىيىتى بولدى. ئالايلى، مۇشۇ غازاتتىن كېيىنكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەپسىلاتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، غەتپانلىق مەزكۇر قەبىلىلەر شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەيرى ھەرىكەتتە بولمىغانلىقىنى، بەلكى كۈندىن-كۈنگە باش ئېگىپ، ئەل بولۇپ، ئاخىرى مۇسۇلمان بولغانلىقىنى، ھەتتا تېخى ئاشۇ قەبىلىلەرنىڭ بىر قانچىسى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە مەككىنى ئىشغال قىلىش جېڭىگە قاتناشقانلىقىنى ۋە ھۇنەين جەڭ مەيدانلىرىدا خىزمەت كۆرسۈتۈپ، ئولجا غەنىمەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ۋە يەنە ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىغا «مۇسەددىق» (سەدىقە يېغقۇچى ئەمەلدار)لار، ‹‹ئاشىر ›› (زاكات يىغقۇچى)لارنى ئەۋەتىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ نىزامى بويىچە ئىدارە قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز.
مانا شۇنداق قىلىپ ئەھزاب (دۈشمەن بىرلەشمە قوشۇنى) ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز ئالدىدا دېۋەيلەپ تۇرغان دۈشمەننىڭ ئۈچ چوڭ قانىتىنىڭ ئۈچىلىسىنى سۇندۇرۇش ئىشى بىر-بىرلەپ ناھايىتى غەلىبىلىك ھالدا تاماملاندى. ئەتراپى ئالەم تىنجىپ مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ھۆكۈم سۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار بەزى قەبىلە ۋە ئايماقلار ئايرىم جايلاردا پەيدا قىلغان غەيرىي ھادىسە ۋە يوچۇقلارنى ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئېتىپ تاشلىدى. بەلكى، تېخى بۇ غازاتتىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەرگە ۋە ئەتراپتىكى مەملىكەتلەرگە تېگىش قىلىش ئۈچۈن ئاساس يارىتىلدى. چۈنكى، دۆلەت ئىچى شارائىتى ئىسلام دىنىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتاتتى.
بۇ غازاتتىن قايتىپ كېلىپ رەسۇلۇللاھ شۇ يىلى شەۋۋال ئېيىغا قەدەر مەدىنىدە تۇرۇپ، بىر قانچە قوشۇننى تەشكىللەپ زۆرۈر بولغان جايلارغا ئەۋەتتى. تۆۋەندىكىسى شۇنىڭغا ئائىت ئەھۋاللار پۈتۈلگەن قۇرلاردۇر.
-
غالىب ئىبنى ئابدۇللا لەيسى قوشۇنى: ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى سەپەر ئېيىدا قەدىد دېگەن جايدىكى بەنى مۇلەۋۋەھە قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىلدى. بەنى مۇلەۋۋەھ خەلقى بەشىير ئىبنى سوۋەيدنىڭ ھەمراھلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇڭا بۇ قوشۇن ئۇلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ئەۋەتىلدى. قوشۇن قەدىدقا يېتىپ بېرىپ، دۈشمەنگە كېچىلەپ ھۇجۇم قوزغاپ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن چارۋا، قوي-كالىلارنى ئولجا ئېلىپ ھەيدەپ كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن زور بىر تۈركۈم دۈشمەن قوغلاپ كېلىپ مۇسۇلمانلارغا يېقىنلاپ قالغاندا، توساتتىن قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىنى چوڭ كەلكۈن ئايرىۋەتتى-دە، نەتىجىدە مۇسۇلمانلار مۇۋەپپيقىيەتلىك ھالدا چېكىنىۋالدى.
-
ھەسمى قوشۇنى: ھىجرىيەنىڭ 7- يىلى جۇمادىيەلسانى (6- ئاي)دا ئەۋەتىلدى. ئۇنىڭ تەپسىلاتى پادىشاھلارغا مەكتۇپ يوللاش ھەققىدىكى بايانلاردا زىكرى قىلىندى.
-
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب قوشۇنى: ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى شەئبان ئېيىدا تۇربە دېگەن جايغا ئەۋەتىلدى. ئۆمەر ئوتتۇز كىشى بىلەن كېچىسى يول يۈرۈپ، كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ مېڭىپ، ئاخىرى ھەۋازىينىغا يېتىپ باردى. ھەۋازىن ئاھالىسى ئەھۋالدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەر تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئۆمەر يېتىپ بارغاندا، يۇرت-مەھەللىرىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئۆمەر ئۇلارنىڭ مەنزىلىگە يېتىپ بېرىپ بىرمۇ ئادەمنى ئۇچرىتالماي مەدىنىگە قاراپ يول ئالدى.
-
بىشرى ئىبنى سەئەد ئەنسارى قوشۇنى: ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى شەئبان ئېيىدا فەدەك تەۋەلىكىدىكى بەنى مۇررە ئايمىقىغا تېگىش قىلىش ئۈچۈن 30 ئادەم بىلەن ئەۋەتىلدى. ئۇ نىشانغا يېتىپ بېرىپ دۈشمەننىڭ نۇرغۇن قوي-تۆگە، چارۋىلىرىنى ھەيدەپ ماڭدى. كەچ كىرگەندە دۈشمەن قوغلاپ كېلىپ ئۇلارنى ئوققا تۇتۇپ ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشتى. ئاخىرى بىشرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئوقى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن بىشرىدىن باشقا ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى. پەقەت بىشرىلا ھايات قالغان بولۇپ تەسلىكتە فەدەككە ئۆزىنى ئېلىۋالدى ۋە جاراھىتى ساقايغانغا قەدەر شۇ يەردە بىر يەھۇدىينىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ كېيىن قايتىپ كەلدى.
-
غالىب ئىبنى ئابدۇللا لەيسى قوشۇنى: ھىجرىيەنىڭ 7- يىلى رامىزان ئيېىدا مەيفىيئە دېگەن جايدىكى بەنى ئەۋۋال ۋە بەنى سوئلەبە قەبىلىلىرىگە (ئىككىنچى بىر سۆزدە جەھىپىينىڭ ھەرقات دېگەن يىرىگە) تېگىش قىلىش ئۈچۈن 130 ئادەم بىلەن ئەۋەتىلدى، قوشۇن نىشانغا يېتىپ بېرىپ دۈشمەنگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپ ئۇچرىغانلا دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ نۇرغۇن قوي-كالا چارۋىلارنى غەنىمەت ئېلىپ ھەيدەپ كەلدى. مۇشۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئۇسامە ئىبنى زەيد دۈشمەن تەرەپتىن نەھىك ئىبنى مىرداسنى ئۇ: ‹‹لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ››، دەپ تۇرسىمۇ ئۆلتۈرۈپ قويغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق كايىدى ۋە: ‹‹ئۇنىڭ دىلىنى يېرىپ، سۆزىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئىنىقلاپ باققانمىدىڭ؟›› دەپ ئاچچىقلىدى.
-
ئابدۇللا ئىبنى رەۋاھ قوشۇنى: مۇشۇ يىلى شەۋۋال ئېيىدا 30 ئاتلىق قوشۇن بىلەن خەيبەرگە ئەۋەتىلدى. سەۋەبى ئەسىر (ياكى بەشىير) ئىبنى زارىم دېگەن كىشى غەتپانلىقلارنى ئاستىرىتتىن كۈشكۈرتۈپ مۇسۇلمانلارغا قارشى توپلىغانلىقى مەلۇم بولدى. قوشۇن خەيبەرگە يېتىپ بېرىپ بەشىرگە: ‹‹رەسۇلۇللاھ سېنى خەيبەرگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلىشى مۇمكىن›› ، دەپ ھوقۇق تەمەسىگە سېلىپ، ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن 30 كىشى بىلەن ئۇنى خەيبەردىن ئېلىپ چىقتى. ئۇلار ‹‹قەرقەرەتۇننەييار ››، دېگەن يەرگە كەلگەندە، ئىككى تەرەپ ئارىسىغا غەيرىي گۇمان پەيدا بولۇپ قىلىپ بەشىر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى كېلىپ چىقتى.
-
بەشىر ئىبنى سەئەد ئەنسارى قوشۇنى: ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى شەۋۋال ئېيىدا يۇمنى ۋە جۇبار (غەتپانلىقلارنىڭ يەنە بىر سۆزدە پەزارە ۋە ئوزدە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنى) دېگەن جايغا، مەدىنگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن توپلانغان بىر توپ قاراقچىلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىش ئۈچۈن 30 كىشى بىلەن ئەۋەتىلدى. ئۇلار كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ كېچىسى يول يۈرۈپ نىشانغا يېقىنلاپ بارغاندا ئۇلارغا بەشىرنىڭ ھەرىكىتى سىزىلىپ قېلىپ بەدەر تىكىۋېتىشتى. بەشىير نۇرغۇن قوي-تۆگە چارۋىلارنى ئولجا ئېلىپ ئىككى ئادەمنى ئەسىر ئېلىپ قايتىپ كەلدى. ئىككى ئەسىر رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كەلگەنىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولدى.
-
ئەبى ھەدرەدىلئەسلەمى قوشۇنى: مۇشۇ يىلى مەلۇم بىر ئايدا غابە دېگەن جايغا ئەۋەتىلدى. ۋەقەنىڭ جەريانى شۇكى، جەشەم ئىبنى مۇئاۋىيە جەمەتىدىن بىر كىشى غابە دېگەن جايغا بىر تۈركۈم ساياق-قاچقۇنلارنى باشلاپ كېلىپ، قەيس قەبىلىسىنى مۇسۇلمانلارغا قارشى توپلاۋاتقانلىقى ئاڭلاندى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەبۇھەدرەد ئەسلەمىينى ئىككى كىشى بىلەن ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. ئەبۇھەدرەد ناھايىتى دانا بىر ھەربىي تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ، دۈشمەنگە قاخشاتقۇچ زەربىلەرنى بەردى ۋە ئۇلارنى يېڭىپ نۇرغۇن چارۋا قوي-كالىلارنى غەنىيمەت ئېلىپ قايتىپ كەلدى.
ھۇدەيبىيە ئۆمرىسىنىڭ قازاسى
بۆلۈم: “ھۇدەيبىيە ئۆمرىسىنىڭ قازاسى”ئىمام ھاكىم مۇنداق دەيدۇ: ھەدىس رىۋايەتلىرىنىڭ خۇلاسىسىسى بىردەك شۇنى كۆرسەتتىكى، شۇ يىلى يەنى ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى زولقەئدە (11- ئاي)كىرىپ كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ساھابە كىراملارنى ئالدىنقى يىلدىكى ھەج ئۆمرىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىدى ۋە ھۇدەيبىيگە قاتناشقان ھەرقانداق ئادەم قېپقالماسلىقنى تاپىلىدى. شۇڭا، ساھابىلاردىن ھازىرغا قەدەر شەھىد بولۇپ كەتكەنلەردىن باشقا ھەممىسى ئاتلاندى. شۇنىڭدەك يەنە ئۆمرە قىلغۇسى بارلارمۇ بىرگە چىقتى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلارنى ئېلىۋەتكەندە 2000 (ئىككى مىڭ)غا يەتتى. مەدىنىدە ئۆز ئورنىغا ئۇۋەيف ئىبنى ئەبارەھىم غىپارىنى قالدۇردى. قۇربانلىق ئۈچۈن 60 تۆگە ئېلىۋالدى، ئۇنىڭغا ناجىبە ئىبنى جۇندوپ ئەسلەمىنى مەسئۇل قىلدى، ۋە زۇلھۇلەيفىگە چىقىپلا ئۆمرىگە ئېھرام باغلاپ ‹‹لەببەيكە›› ئېيتىپ تەكبىر ساداسىنى ياڭراتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ جاراڭلىق ھەم مۇڭلۇق تەكبىر ئاۋازى كەڭ جاھاننى لەرزىگە سالاتتى. رەسۇلۇللاھ قۇرەيش كاپىرلىرىنىڭ ئەھدىگە خىيانەت قىلىپ سۇيىقەست پىلانلىشدىن ئەنسىرەپ قورال-ياراق ۋە جەڭ ئەسلىھەلىرىنى تولۇق ئېلىۋالغانىدى. يەئجىج دېگەن يەرگە بارغاندا قالقان، دۇبۇلغا، ئوق-يا، نەيزە قاتارلىق جەڭ ئەسلىھەلىرىنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەۋس ئىبنى خەۋلى ئەنسارىنى مەسئۇل قىلىپ ئىككى يۈز ئادەم بىلەن قالدۇردى. مەككىگە ئادەتتە مۇساپىرلار بىرگە ئېلىپ مېڭىشقا بولىدىغان قىلىچنى غىلاپ بىلەن، پىچاق-خەنجەرلەرنى قاپچۇقلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ كىردى. رەسۇلۇللاھ مەككىگە كىرگەندە قەسۋا دېگەن تۆگىسىگە مىنىپ ماڭغانىدى. مۇسۇلمانلار قىلىچلىرىنى ئېسىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىنى ھىم-يېقىن ئوراپ، ياڭراق ئاۋازدا تەكبىر ئېيتىپ ماڭاتتى. مۇشرىكلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن مەككىنىڭ شىمالىدىكى قەئيقىئان تېغىغا چىقىپ قاراپ تۇرۇشتى. ئۇلار ئۆزئارا: ‹‹بۈگۈن يەسرەپ (مەدىنە)نىڭ تۆۋەن ھاۋاسىدا تېنى ئاجىزلاپ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ تاۋاب ئەھۋالىنى كۆرىمىز ››، دېيىشكەنىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ئالدىنقى ئۈچ قېتىمدا تېز يۈگۈرۈپ مېڭىشقا، ئىككى رۇكنى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ھەللىسىدە مېڭىشقا بۇيرىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلەرنى تاۋاپنىڭ ھەممىسىنى تېز يۈگۈرۈپ ئادا قىلىشقا بۇيرىماسلىقى ئومۇمنىڭ ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتقانلىقى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ ئارقىلىق مۇشرىكلارغا ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت، جاسارىتىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى. شۇنىڭدەك يەنە ‹‹ئىستىباغ›› قىلىشقا، يەنى ئوڭ مۆرىسىنى ئوچۇق قويۇپ رىدانىڭ ئىككى تەرىپىنى سول مۆرىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ مېڭىشقا بۇيرىدى. بۇ ئەنئەنىۋى يوسۇندا ھەج تاۋاپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. رەسۇلۇللاھ مەككىگە ھەجۇن دېگەن جاينىڭ ئۇدۇلىدىكى داۋاندىن ھەيۋەت بىلەن كىرىپ كەلدى. (بۇچاغدا مۇشرىكلەر يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ ھەج قوشۇنىنى كۆزىتىۋاتاتتى). قوشۇن توختىماي تەلبىيە ئېيتىپ ماڭدى. ئاخىرى رەسۇلۇللاھ قولىدىكى ھاسا بىلەن بەيتۇللاھنىڭ رۇكنىنى بۇسە قىلدى(سۆيدى) ۋە تاۋاپ قىلدى. مۇسۇلمانلارمۇ تاۋاب قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا قىلىچنى شىمايلاپ مېڭىپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇيتتى:
كۇففارنىڭ كۈچۈكلىرى يول بوشات، يولنى بوشات،
يول بوشات رەسۇلۇللاھ دىنى ئەيلەر دىلنى شاد.
قىلدى نازىل تەڭرى رەھمان «قۇرئان كەرىم» نامىدا،
ئورنىتار ئۇ دىلغا مەشئەل، ئوقۇلسا ھەرۋاق پاتمۇ-پات.
ئى خۇدا-تەڭرىم! مېنىڭ سۆزۈڭگە كامىلدۇر ئىمان،
پۇر ھىدايەت ئۇندا تاپتىم ياخشىلىقنى قاتمۇ-قات.
دەل ئۇرارمىز باشىگە، ھەق كەلام ئىنكارىگە،
ئۇشبۇ يولدا ئەڭ شەرەپلىك ھەق كۈرەش ھايات-مامات.
ئايرىلار قاقباش چوقا ئىسكىلىت ئەشكالىدىن،
دوستىنى تاشلار قاياش قايغۇ ئىچرە بولۇپ يات.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: بۇچاغدا ئۆمەر: ‹‹ئى ئىبنى رەۋاھە! رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا (يەنە بىر سۆزدە ئاللاھنىڭ ھەرىمىدە) مۇشۇنداق شېئىر قوشاقلارنى ئوقۇمسەن؟› دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئۇنى ئوقۇغىلى قويغىن، ئى ئۆمەر! بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئوق ئاتقاندىن ياماندۇر››، دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلار بىلەن ئالدىنقى ئۈچ تاۋاپنى يۈگۈرۈپ قىلغانىدى، مۇشرىكلار بۇنى كۆرۈپ: ‹‹مانا تەپ كېسىلى جۇدىتىۋەتتى، دېگەن كىشلەر خېلى-خېلى كىشلەردىن جاسارەتلىك تۇرمامدۇ؟›› دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ تاۋاپتىن پارىغ بولغاندىن كېيىن سەفا مەرۋە ئوتتۇرىسىدا سەئيى (يۈگۈرۈش) قىلدى. سەئيىدىن كېيىن ھەدىيە (قۇربانلىق)نى مەرۋە يېنىدا توختۇتۇپ: ‹‹بۇ مەنھەر (قۇربانلىق قىلىدىغان ئورۇن)دۇر ۋە مەككەيوللىرىنىڭ ھەممىسى مەنھەردۇر›› دېدى. مەرۋە يېنىدا قۇربانلىق بوغۇزلىدى ۋە بېشىنى چۈشۈردى. مۇسۇلمانلارمۇ شۇنداق قىلىشتى، ئاندىن بىر بۆلۈك كىشلەرنى ھېلىقى يەئجىج دېگەن جايدىكى قورال-ياراقلارنى ساقلاشقا ئەۋەتتى. ئۇ يەردىكىلەر مەككىگە كېلىپ ئۆمرە قىلىۋالدى. رەسۇلۇللاھ مەككىدە ئۈچ كۈن تۇردى، تۆتىنچى كۈنى ئەتىگەندە مۇشرىكلار ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنىڭ قېشىغا كېلىپ: ‹‹بۇ ئادەمگە ئېيتقىن، چىقىپ كەتسۇن، ۋاقىت توشتى››، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مەككىدىن چىقىپ كىتىپ، سەرف دېگەن جايغا چىقىپ شۇيەردە تۇردى. ئۇ مەككىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋىدى، ھەمزىنىڭ قىزى ئۇلارغا ئەرىشىپ: «تاغا..تاغا…» دەپ توۋلىغىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئەلى قولىغا ئالغانىدى، ئۇنى تالىشىپ جەئفەر، زەيد ۋە ئەلى جاڭجاللىشىپ قالدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى جەئفەرگە بۇيرۇپ بەردى. چۈنكى، ئۇنىڭ ھاممىسى (ئانىسىنىڭ ھەمشىرىسى)جەئپەرنىڭ ئەمرىدە ئىدى. مۇشۇ قېتىمقى ئۆمرىدە رەسۇلۇللاھ ھارىسىلئامىرنىڭ قىزى مەيمۇنەگە ئۆيلەندى. رەسۇلۇللاھ مەككىگە كىرىشنىڭ ئالدىدا جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىبنى مەيمۇنەنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا خېرىدارلىق قىلغانىدى. مەيمۇنە ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىنى ئابباسقا تاپشۇردى. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەمشىرسى ئابباسنىڭ ئايالى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئابباس ئۇنى رەسۇلۇللاھقا ياتلىق قىلدى. رەسۇلۇللاھ مەككىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا، ئەبى رافىئنى قالدۇرۇپ مەيمۇنەنى كەينىدىن ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سەرف دېگەن جايدا بىر تەكىيىگە باش قويدى. بۇ ئۆمرە قازا ئۆمرىسى دەپ ئاتالدى. چۈنكى، ئۇ ئالدىنقى يىلىدىكى ھۇدەيبىيە ئۆمرىسىنىڭ قازاسى ئىدى. يەنە بەزىلەر: ‹‹بۇ ئۆمرىنى كېلىشىم ئۆمرىسى دەپ ئاتىدى. چۈنكى، بۇ ئالدىنقى يىلى ھۇدەيبىيەدە تۈزۈلگەن كېلىشىم ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان ئۆمرە ھەج ئىدى››، دېيىشىدۇ. يەنە بۇ ئۆمرە سۈلھى ئۆمرىسى ۋە قىساس ئۆمرىسى دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.
يەنە مۇشۇ يىلى ئەۋەتىلگەن قوشۇنلار:
-
ئىبنى ئەبىلئەۋجا قوشۇنى: رەسۇلۇللاھ ھىجرىينىڭ 7-يىلى زۇلھەججىدە ئەللىك ئادەم بىلەن بەنى سولەىم خەلقىنى ئىسلامغا چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتكەنىدى. ئۇلار: ‹‹سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ھاجىتىمىز يوق››، دەپ قوشۇن بىلەن قاتتىق ئۇرۇشتى. بۇ ئۇرۇشتا قوشۇن باشلىقى ئەبىلئەۋجا يارلاندى. ئۇلاردىن ئىككى ئادەم ئەسىر ئېلىندى.
-
غالىب ئىبنى ئابدۇللا قوشۇنى: ھىجرىيىنىڭ 8-يىلى سەپەرئيېىدا ئىككى يۈز ئادەم بىلەن فەدەكتىكى (ئالدىنقى يىلى) بىشرى ئىبنى سەئەد قوشۇنى بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغان جايغا ئەۋەتىلدى. قوشۇن ئۇلاردىن بىر قانچە ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە نۇرغۇن چارۋىلارنى غەنىمەت ئېلىپ قايتتى.
-
زاتى ئەتلەھ قوشۇنى: ھىجىرىينىڭ 8- يىلى رەبىيئۇل ئەۋۋەلدە بەنى قۇزائە خەلقى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قوشۇن توپلاۋاتقانلىقى ئاڭلانغانىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئولارغا كەئەب ئىبنى ئومەيرنى 15 ئادەم بىلەن ئەۋەتتى. قوشۇن دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغانىدى، ئۇلار ئىسلامغا ئاۋاز قوشمايلا قالماي، بەلكى ئوق ئېتىپ قوشۇن ئەزالىرىنى پۈتۈنلەي شېھىت قىلىۋەتتى. پەقەت بىرلا كىشى ئۆلۈكلەر ئارىسىدا ھايات قالدى.
-
زاتى ئىرقى قوشۇنى : ھىجىرىيىنىڭ 8- يىلى رەبىيئۇل ئەۋۋەلدە بەنى ھەۋازىن خەلقىگە قوشۇن ئەۋەتىلدى. بەنى ھەۋازىن خەلقى دۈشمەن كۈچلەرگە ئىزچىل ياردەم ۋە مەدەت بېرىپ كەلگەنىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ شۇجائ ئىبنى ۋەھاب ئەسەدىنى 25 ئادەم بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. قوشۇن دۈشمەننىڭ نۇرغۇن چارۋا-ماللىرىنى غەنىيمەت ئالدى ۋە ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىدى.
مۇئتە ئۇرۇشى
بۇ ئۇرۇش مۇسۇلمانلارنىڭ رەسۇلۇللاھ ھايات ۋاقتىدا ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ قوراللىق ئېلىشىشى ۋە ئەڭ ئېغىر قانلىق توقۇنۇشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا دۇنيا خرىستىئان مەملىكەتلىرىنى پەتھى قىلىشنىڭ ئالدىنقى تەييارلىقى ۋە بېشارەت سىگنالى ھېسابلىنىدۇ. ۋەقە ھىجرىيەنىڭ 8- يىلى جۇمادىيەلئەۋۋەل (مىلادى 629- يىلى 8- ئاي ياكى 9- ئايلار غا توغرا كېلىدۇ)دە يۈز بەرگەن.
مۇئتە شامنىڭ بەلقا دېگەن يېرىگە يېقىن كەنت بولۇپ، مۇئتە بىلەن بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ ئارىلىقى ئىككى كۈنلۈك سەپەر دەپ قارىلىدۇ.
ئۇرۇش ھارپىسى
مۇئتە ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى مۇنداق بولغان: پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۆزىنىڭ بۇسرا ۋالىيسىغا يوللىغان مەكتۇپىنى ھارىس ئىبنى ئۇمەير ئەزدىدىن ئەۋەتكەنىدى. ئەلچى شام زېمىنغا قەدەم باسقان كۈنى شۇرەھبىل ئىبنى ئەمىرىلغىپارى (ئۇ شۇۋاقىتتا رۇملۇقلارنىڭ شام زېمىنىگە قويغان قورچاق ۋالىيسى ئىدى) ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ چەمبەرچەس باغلىۋەتتى ۋە ئۆز قولى بىلەن چېپىپ تاشلىدى. ئەلۋەتتە ئەلچى ۋە ۋەكالەتچىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئەڭ قەبىيھ جىنايەت ھىساپلىنىدۇ، بەلكى ئەلچىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ.
ھەر ھالدا بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھقا ئاڭلىنىۋىدى، ئۇ ئىنتايىن قايغۇردى ۋە غەمگە پاتتى. شۇڭا ئۇ دەرھال ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتكۈزدى. بۇ ئەھزاب ئۇرۇشىدىن كېيىن تەشكىللەنگەن ئەڭ چوڭ ئىسلام قوشۇنى ھېسابلىنىدۇ.
قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلارغا تەۋسىيە قىلغىنى
رەسۇلۇللاھ بۇ قوشۇنغا زەيد ئىبنى ھارىسنى ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى ۋە: ‹‹زەيد ئۆلۈپ كەتسە جەئفەر ئەمىر بولسۇن، جەئفەرمۇ ئۆلۈپ كەتسە ئابدۇللا ئىبنى رەۋاھە ئەمىر لەشكەر بولسۇن››، دېدى ۋە ئۆز قولى بىلەن تۇغ قاداپ زەيد ئىبنى ھارىسكە تۇتقۇزدى. ئەلەمنىڭ رەڭگى ئاق ئىدى. قوشۇن يولغا چىقىش ئالدىدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ‹‹سىلەر ھارىس ئىبنى ئۇمەيىر ئەزدى ئۆلتۈرۈلگەن جايغىچە بېرىپ، شۇ يەردىكىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىڭلار، ئۇلار قوبۇل قىلسا ئۆز تەلىيى، ناۋادا قوبۇل قىلمىسا ئاللاھتىن مەدەت ۋە ياردەم تىلەپ ئۇرۇش قىلىڭلار›› ، دەپ تەۋسىيە قىلدى. ئۇ يەنە جېكىلەپ: ‹‹ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئاللاھ يولىدا ئاللاھقا ئىنكار قىلغانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، ئەھدىگە خىيانەت قىلماڭلار، ئۆلۈكلەرنى پارچىلاپ تاشلىماڭلار، بالىلار، ئاياللار ۋە ھالىدىن كەتكەن قېرى-چۆرىلەرنى، چېركاۋلاردا ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئابىد-زاھىدلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. مېۋىلىك دەل-دەرەخلەرنى كەسمەڭلار، قەلئە ۋە قۇرۇلۇشلارنى بۇزۇپ چاقماڭلار»، دېدى .
قوشۇننىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن خوشلاشقىنى ۋە ئابدۇللا ئبنى رەۋاھەنىڭ يېغىسى
قوشۇن يولغا چىقىش ئالدىدا پۈتۈن مەدىنە ئاھالىسى جەم بولۇپ، قوشۇن سەركەردىلىرىگە خەيرىلىك بىلەن دۇئا قىلىشتى ۋە ئۇلارغا سالام-سىھھەت تىلىدى. بۇ چاغدا قوشۇن سەركەردىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللا ئىبنى رەۋاھە يىغلاپ تاشلىدى. كىشلەر ئۇنىڭدىن نىمىگە يىغلايسەن؟ دەپ سورىغانىدى، ئۇ: ‹‹ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دۇنيانىڭ مۇھەببىتىدىن ۋە ياكى سىلەردىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىغانلىقتىن يىغلىغىنىم يوق، پەقەت مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئاندىكى دوۋزاخنى ئەسلىتىدىغان مۇنۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم ﴿وإن منكم إلا واردھا كان ىلۈ ربك چتما مقگيا﴾ تەرجىمىسى: «(سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكىمىدۇر». (سۈرە مەريەم 71- ئايەت) مەن دوۋزاخقا بېرىپ بولغاندىن كېيىن قاندق يېنىشىمنى بىلمەيمەن›› دېدى. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئۇلارغا: ‹‹سىلەرگە ئاللاھ ھەمراھ بولغاي! ئاللاھ سىلەرنىڭ زەپەر قۇچۇپ كېلىشىڭلارنى ئاسان قىلغاي»، دېيىشتى. قوشۇن قوزغالدى. ئابدۇللا ئىبنى رەۋاھ تۆۋەندىكى مىسرالارنى مۇڭلۇق ئاھاڭدا ئوقۇپ ماڭاتتى:
لېكىن مەنھەم تىلەيمەن ئاللاھ تامان يۈزلىنىپ،
قاتتىق قوللۇق بولۇشنى ياۋ پۇشتىغا ئەتلىنىپ.
نەيزە ئۇرسام مەردانە مەرگەن كەبى چەن بىلەن،
تۆمۈر شاخلىق پور كۆتەك يەرگە چۈشكەي مىخلىنىپ.
شەھىد بولسام دېگەيلەر قەبرەم باشى كەلگەنلەر،
خۇدا رازى غازى سەن، ئەل قەلبىدە ئەسلىنىپ.
قوشۇن مەدىنىدىن قوزغىلىپ چىقىۋىدى، رەسۇلۇللاھمۇ ئۇلارنى ئۇزىتىپ سەنىيەتولۋىدا دېگەن يەرگىچە چىقتى ۋە مۇشۇ يەردە توختاپ قوشۇن بىلەن خوشلاشتى.
قوشۇننىڭ نىشانغا قاراپ ئىلگىرلىگەنلىكى ۋە كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكى
قوشۇن شىمالغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ ھىجازنىڭ شىمال قىسمىغا تۇتىشىدىغان شام (سۈرىيە) زېمىنىدىن مەئان دېگەن يەرگە چۈشتى ۋە بۇ يەردە ئىگىلىگەن ئاخباراتتىن مەلۇم بولدىكى، رۇم پادىشاھى ھىرەقلى يۈز مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن رۇمدىن بەلقائنىڭ مەئاب دېگەن يېرىگە كېلىپ چۈشۈپتۇ ۋە يەرلىك لەخمى، جوزام، بەلقىن، بەھرام، ۋە بەللى قاتارلىق ئەرەب قەبىلىلىرىدىن يەنە يۈز مىڭ كىشىلىك ياللانما قوشۇن قوشۇلۇپتۇ، دېگەن خەۋەر جەزىملەشتى.
مەئاندىكى ھەربىي كېڭەش
مۇسۇلمانلار بۇ يىراق ئەلدە مۇنچە كۆپ سان-ساناقسىز دۈشمەن بىلەن ئۇشتۇمتۇت توتۇشۇپ قالارىنى ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيە پىلانىغا كىرگۈزمىگەنىدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئۈچ مىڭ كىشىلىك بۇ قوشۇن سان-ساناقسىز ئاشۇ (ئىككى يۈزمىڭ) زور قوشۇنغا ئاقىۋەتنى ئويلىمايلا قاراملىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش كېرەكمۇ؟ ياكى قايتىپ كېتىش كېرەكمۇ؟… مۇسۇلمانلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي مەئاندا ئىككى كۈن تۇرۇپ، كۆز ئالدىدىكى ئەھۋاللارنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلدى. ئاخىرى ئۇلار ھەر تەرەپلىمە كېڭەشكەندىن كېيىن: «رەسۇلۇللاھقا خەت يېزىپ دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى خەۋەر قىلايلى، ئۇ بىزگە ھەربىي كۈچ بىلەن ياردەم بېرەر ياكى ئۆزى چاغلاپ بىر ئىشقا پەرمان قىلار، بىز شۇنى ئىجرا قىلارمىز››، دېيىشتى. لېكىن قوشۇن رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللا ئىبنى رەۋاھ بۇ پىكىرگە قوشۇلمىدى. ئۇ كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرۇپ: ‹‹ئى مۇسۇلمانلار جامائىسى! ھازىر سىلەرگە ياقمايۋاتقىنى دەل سىلەر ئىزلەپ چىققان ھېلىقى ئاللاھنىڭ يولىدا شەھىد بولۇش ئەمەسمۇ؟ بىز دۈشمەن بىلەن قورال ياراققا، ھەربىي كۈچىمىزگە ۋە ياكى سان سۈپىتىمىزگە تايىنىپ ئۇرۇشمايمىز، بەلكى ئاللاھ بىزنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان مۇشۇ دىنىمىز بىلەن ئۇرۇشىمىز. جەڭگە ئاتلىنايلى! بىزنى چوقۇم ئىككى ياخشىلىقنىڭ بىرى كۈتۈپ تۇرىدۇ — زەپەر ياكى شەھىدلىك»، دېدى.
كۆپ تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن مەسلىھەت ئاخىرى ئابدۇللا ئىبنى رەۋاھەنىڭ پىكرىگە تەيىن تاپتى.
قوشۇن دۈشمەن تەرەپكە ئاتلاندى
مۇسۇلمانلار قوشۇنى مەئاندا ئىككى كۈن تۇرغاندىن كېيىن يەنە قوزغىلىپ شىمالغا قاراپ ئىلگىرلىدى ۋە بەلقا چېگراسىغا بارغاندا، ھىرەقلى قوشۇنى بىلەن ئۇچراشتى. دۈشمەن تەرەپ ناھايىتى قاتتىق ھەيۋە بىلەن دېۋەيلەپ كەلمەكتە ئىدى. مۇسۇلمانلار دەرھال مۇئتىگە قايتىپ ئۇ يەردە ھەربىي گازارما تەسىس قىلدى ۋە جىددى ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۇختىلىدى. قوشۇننى قايتا رەتكە سېلىپ ئوڭ قاناتقا قۇتبە ئىبنى قەتادە ئۆزرىنى، سول قاناتقا ئوبادە ئىبنى مالىك ئەنسارنى قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى.
ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ۋە ئەمىرلەرنىڭ نۆۋەت بىلەن ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى
مۇشۇ يەردە يەنى مۇئتە دېگەن يەردە ئىككى تەرەپ تۇتۇشۇپ قالدى. ھەش-پەش دىگۈچە شىددەتلىك گىرەلەشمە جەڭ باشلىنىپ كەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ 3000 كىشىلىك قوشۇنى ھىرەقلىنىڭ ئىككى يۈزمىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم قوشۇنغا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كەلگەنىدى. پاھ… مىسلىسىز ئۇرۇش! ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، لېكىن ئىمان روھى نى… نى… ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئەلەمنى تۇنجى قېتىملىق ئۇرۇشتا رەسۇلۇللاھنىڭ ئامراق ئادىمى زەيد ئىبنى ھارىس كۆتۈرۈپ ئىنتايىن جەسۇرلۇق ۋە مەردانەلىك بىلەن ئورۇش قىلدىكى، ھېچ قانداق بىر پالۋان ياكى باتۇر ئەزىمەتتە ئۇنداق قەھرىمانلىق جاسارىتى تېپىلمايتتى. ئۇ ئۇرۇشۇپ-ئۇرۇشۇپ ئاخىر ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە دۈشمەن نەيزىلىرى گويا تىكەندەك سانچىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن يېقىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلەمنى جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىب قولىغا ئېلىپ تەڭداشسىز باتۇرلۇق ۋە مىسلىسىز شىجائەت بىلەن ئۇرۇشتىكى، جەڭ راسا قىزىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەندە، ئۇ مىنىۋاتقان قىزىل ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنىڭ بوينىنى ئۈزۈۋەتتى. ئاندىن جەڭ قاينىمىغا كىرىپ ئۇرۇشۇپ-ئورۇشۇپ ئاخىر ئەلەم كۆتۈرگەن ئوڭ قولى كېسىلىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئۇ ئەلەمنى دەرھال سول قولىغا ئېلىپ چىڭ تۇتۇپ قەد كۆتۈرتۈپ تۇردى. ئاخىرى سول قولىمۇ كېسىپ تاشلاندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلەم خادىسىنى بوينى بىلەن قىسىپ ئۇنى قەد كۆتەرتىپ تۇرغانىدى، ئاخىرى بېشىمۇ ئۈزۈۋېتىلدى. (ئېيتىشلارغا قارىغاندا رۇملۇقلاردىن بىرى جەئفەرگە قىلىچ ئۇرۇپ پارچىلىۋەتكەن) ھەدىستە: ‹‹ئاللاھ جەئفەرگە ھېلىقى ئىككى قولىنىڭ بەدىلىگە جەننەتتە ئىككى قانات ئاتا قىلدى، ئۇ بۇ ئىككى قانىتى بىلەن جەننەتنىڭ خالىغان يېرىدە ئۈزىدۇ ››، دېيىلگەن ھەم شۇ سەۋەبتىن ئۇنى ‹‹جەئفەر تەيران›› (قوشقاناتلىق جەئفەر) دەپ ئاتالغان. ئىمام بۇخارى نافئدادىن، ئۇ ئىبنى ئۆمەردىن نەقىل كەلتۈرگەن ھەدىستە، ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن: ‹‹ئۇ شۇكۈنى جەئفەرنىڭ شەھىد بولۇپ كەتكەندىن كېينكى جەستىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم، ئۇنىڭ بەدىنىدە 50 نەچچە يەردە قىلىچ ۋە نەيزىنىڭ ئىزى بار ئىكەن. ئەمما، ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدە بىرمۇ جاراھەت ئىزى يوق ئىكەن››، دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بۇ قېتىمقى غازاتقا مەنمۇ قاتناشقانىدىم، ئۇرۇشتىن كېيىن جەئفەرئىبنى ئەبى تالىبنى ئىزدىدۇق، ئاخىر ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تاپتۇق. ئۇنىڭ جەسىتىدە 90 نەچچە يەردە قىلىچ ۋە نەيزىنىڭ جاراھەت ئىزى بار ئىكەن››. يەنە بىر رىۋايەتتە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ قوشۇپ قويغان: ‹‹ھېلىقى جاراھەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدى كۆكرەك قىسمىدا ئىكەن››. دېمەك جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىب مانا مۇشۇنداق شىجائەت ۋە جەڭگىۋارلىق روھى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاخىرى شەھىد بولۇپ كەتكەندن كېيىن ئەلەمنى ئابدۇللا ئىبنى رەۋاھ قولىغا ئېلىپ ئېتىغا مىندى-دە، دۈشمەن تەرەپكە ئېتىلدى. ئۇ ئاتتن چۈشۈشكە بىر تەمشىلىپ بولۇپ، يەنە بىر ئاز ئىككىلەندى، ئاندىن ئۇ يەنە قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى قىلىچ قالقان ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ ئوقىدى.
قەسەم قىلدىم ئابدۇللاھ،ئېتىل دۈشمەن تامانغا،
مەيلى خالا-خالىما،چۈشكىن چوقۇم مەيدانغا.
ياۋلەر تۇرسا ئالدىڭدا، چۇقان سېلىپ جاھانغا،
شەھىد بولۇپ كىرمەمسەن جەننەت دېگەن ماكانغا .
ئاندىن ئۇ ئاتتىن چۈشتى. قوشۇندا ئابدۇللاھنىڭ بىر نەۋرە تۇققىنى بار ئىدى. ئۇ بىر پارچە پىششىق گۆشنى تەڭلەپ: ‹‹قېرىندىشىم، ئال! بۇ گۆشنى يەۋال، بىر قانچە كۈندىن بىرى سەن ئاچ قالدىڭ››، دېگەنىدى، ئابدۇللا ئۇنىڭ قولىدىن گۆشنى ئېلىپ بىر-ئىككنى چىشلىدى-دە، پاك قىلىپ يەرگە ئېتىۋىتىپ، شەمشەرنى پۇلاڭلىتىپ دۈشمەن تەرەپكە ئېتىلدى ۋە ئاجايىپ باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاخىرى شەھىد بولدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەلىمى ئاللاھنىڭ قىلىچلىرىدىن بىر قىلىچنىڭ قولىغا ئۆتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە يېقىلغاندىن كېيىن ئەلەمنى بەنى ئەجلان قەبىلىسىدىن سابىت ئىبنى قەيس ئىسىملىك بىر كىشى ئېلىپ ئېگىز كۆتۈردى ۋە: ‹‹ئى مۇسۇلمانلار! ئاراڭلاردىن بىر كىشىنى قوماندانلىققا كۆرسىتىڭلار››، دېدى. قوشۇن ئەھلى: ‹‹سەن قوماندان بولغىن»، دېگەنىدى، سابىت: ‹‹مەن ئەپلەشتۈرەلمەيمەن››، دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار خالىد ئىبنى ۋەلىدنى قوماندانلىققا سايلاپ چىقتى. خالىد ئىبنى ۋەلىد ئەلەمنى قولغا ئالغاندىن كېيىن قوشۇننى قايتا رەتكە سېلىپ قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، دۈشمەنگە قاقشاتقۇچ زەربىلەرنى بەردى.
ئىمام بۇخارى خالىد ئىبنى ۋەلىدىن نەقىل كەلتۈرگەن بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ‹‹مۇئتە ئۇرۇشىدا مېنىڭ قولۇمدا توققۇز قىلىچ سۇنۇپ كەتتى، ئاخىرى يەمەندە سوقتۇرۇلغان بىرلا قىلىچ بەرداشلىق بەردى. يەنە بىر ئىبارىدە: ‹‹مۇئتە ئۇرۇشىدا مېنىڭ قولۇمدا توققۇز قىلىچ سۇنۇپ كېتىپ، ئاخىر بىرلا قىلىچ پايلىدى»، دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مۇئتە ئۇرۇشىنڭ ئەھۋالىنى جەڭ مەيدانىدىن خەۋەر يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا ۋەھىي ئارقىلىق ئەل جامائەتكە ئۇقتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئەلەمنى زەيد تۇتقانىدى، شەھىد بولدى، ئاندىن جەئفەر تۇتقانىدى، ئۇمۇ شەھىد قىلىۋېتىلدى. ئاخىرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھ تۇتقانىدى، ئۇمۇ شەھىد قىلىۋىتىلدى. رەسۇلۇللاھ مۇشۇلارنى دەۋېتىپ كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش تۆكەتتى. ئاندىن: ‹‹ئەلەمنى ئاللاھنىڭ قىلىچلىرىدىن بىر قىلىچ قولىغا ئالغانىدى، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن قوشۇنغا نۇسرەت ئاتا قىلدى››، دېدى.
ئورۇش توختىدى
مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق جاسارەت ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلىق بىلەن جان پىدا قىلىپ ئۇرۇشقان تەقدىردىمۇ سانىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى دۈشمەننىڭ ئادەم دېڭىزىنى تەشكىل قىلغان زور قوشۇننىڭ ھۇجۇم دولقۇنى ئالدىدا بەرداشلىق بېرەلىشى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن بىخەتەر قۇتۇلۇپ چىقالىشى ناتايىن ئىدى. دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يېڭى قوماندانى خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرى كەتكۈزۈپ قويغان ئاجىزلىق نوقتىسىدىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۆزىنىڭ يۇقىرى جەڭ ماھارىتىنى ۋە يېتىشكەن ھەربىي ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇردى.
بۇ قېتىم قايتا تەشكىللەنگەن قوشۇن قانداق ئۇسۇلدا ئۇرۇش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر مەلۇمات يوق، بىراق بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرنىڭ تەپسىلاتىغا ئىنچىكىلەپ نەزەر سالغىمىزدا شۇ مەلۇم بولدىكى، خالىد ئىبنى ۋەلىد قوماندان بولغان تۇنجى كۈنى رۇم قوشۇنىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئالدىدا قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ خېلى ياخشى ئۈنۈم قازانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى قانداق قىلىپ مۇسۇلمانلارنى ساق-سالامەت قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن رۇملۇقلارنىڭ قەلبىگە ۋەھىمە تاشلاپ، ئۇلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئۈنۈملۈك بىر چارە-تەدبىر ئۈستىدە جىددىي ئىزدىنىۋاتاتتى. چۈنكى، دۈشمەن تەرەپ داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەرگەن ئەھۋالدا مۇسۇلمانلار قوشۇننىڭ دۈشمەننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىشى تەسكە توختايتتى. شۇڭا ئۇ ئىككىنچى كۈنى سەھەردە قوشۇننى قايتا تەشكىللەپ ئۇلارنى قايتا سەپەرۋەرلىككە چاقىردى. قوشۇننىڭ ئارقا سەپ مۇداپىئە قىسمىنى ئالدىنقى سەپكە، ئوڭ قانات قىسمىنى سولغا قاناتقا ئالماشتۇرۇپ قوشۇننى يېڭى بىر تۈسكە كىرگۈزدى. دۈشمەن تەرەپمۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدىكى بۇ يېڭى مۇنتىزىم جەڭگىۋار قوشۇننى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى ۋە: ‹‹مۇسۇلمانلارغا ياردەم كەپتۇ››، دەپ ئويلاپ، ئۆزئارا ساراسىمىگە چۈشتى ۋە پۇت-قوللىرىنى تىترەك باستى. بۈگۈن ئەتىگەنكى ئۇرۇشتا ئىككى تەرەپ بىرەر سائەتتەك ئۇرۇشقاندىن كېيىن خالىد ئىبنى ۋەلىد قوشۇننى جەڭ سېپى ئىنتىزامىنى بۇزمىغان ھالەتتە ئاستا-ئاستا ئارقىغا چېكىنىشكە بۇيرىدى. رۇم دائىرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنتىزام بىلەن چېكىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: ‹‹ئۇلار بىزگە ھىيلە ئىشلىتىۋاتىدۇ، بىزنى چۆلگە ئەگەشتۈرۈپ ئاچىقىپ ھەر تەرەپتىن قورشاپ يوقىتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ››، دەپ ئويلاپ ئارقىدىن قوغلاشنى توختاتتى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ رۇم دائىرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشتىن ئەيمىنىپ ئۆز جايىدا توختاپ قېلىشتى. مۇسۇلمانلار بولسا داۋاملىق بىخەتەر چېكىنىپ ئاخىرى مەدىنىگە قايتىپ كېلىشتى.
ئىككى تەرەپتىن چىقىم بولغانلار
مۇئتە جەڭ مەيدانىدا تۇنجى ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار تەرەپتىن 12 ئادەم شەھىد بولۇپ كەتتى. ئەمما، دۈشمەن تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس. بىراق، جەڭنىڭ تەپسىلاتىغا چوڭقۇر نەزەر سېلىپ كۆرگىنىمىزدە ئۇلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى خېلى كۆپتەك قىلىدۇ.
مۇئتە ئۇرۇشنىڭ تارىخى ئەھمىيتى
مۇسۇلمانلار بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا گەرچە ئېغىر بەدەل تۆلەپ تۇرۇپ، كۆزلىگەن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ئۇرۇش مۇسۇلمانلارغا يۈكسەك ئابرۇي، ياخشى نام ئېلىپ كەلدى. بۇ ئۇرۇش پۈتۈن ئەرەبلەرنى ھەيرانلىققا سالدى. چۈنكى، ئەينى دەۋىردە رۇم دۆلىتى يەر شارىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى جاھانگىر ۋە ئەڭ كۈچلۈك زومىگەر مەملىكەت ئىدى. ئەرەبلەر رۇملۇقلار بىلەن پۇت تېپىشىش ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا سالغانلىق ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىك، دەپ قارايتتى. شۇڭا، بۇ ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ گويا ئادەم دېڭىزىنى شەكىللەندۈرگەن ئىككى يۈزمىڭ جەڭچىسى بار بىر قوشۇنغا جەڭ ئېلان قىلىپ، بىرقانچە مەيدان تۇتۇشۇپ، ئاندىن يەنە تىلغا ئالغۇدەك ئېغىر چىقىم تارتماي ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگەنلىكى جاھان ئاجايىباتلىرىدىن بىر مۆجىزە ھېسابلىناتتى.
بۇ ئۇرۇش يەنە خەلقى ئالەمگە: ‹‹مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئەرەبلەر ۋە جاھان خەلقى تونۇيدىغان ھالەتتىن باشقا بىر خىل خىسلەتكە ئىگە خەلق ئىكەن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ھەقىقەتەن زور ياردەم ۋە مەدەت كىلىدىكەن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام بەرھەق ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەن››، دېگەننى جاكارلىدى. شۇڭا بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپلا يۈرىدىغان ئايرىم جىدەلخور، ئۆكتەم قەبىلە ۋە ئايماقلارنىڭ بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئىسلامغا مايىل بولغانلىقىنى، نەتىجىدە بەنى سولەيىم، ئەشجەئە، غەتپان، زەبيان ۋە فەزارە قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ بىر پۈتۈن ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، مەدىنىگە ئەل بولغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭدەك بۇ ئۇرۇش يەنە رۇملۇقلار بىلەن بولىدىغان قانلىق توقۇنۇشنىڭ تۇنجى مۇقەددىمىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ رۇم مەملىكەتلىرىنى پەتھى قىلىپ كەلگۈسىدە يىراق-يىراق ئەللەرنىمۇ بويسۇندۇرىدىغانلىقىنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە ئالدىن تەييارلىق خىزمىتى بولۇپ قالدى.
زاتۇسسەلاسىل قوشۇنى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام شام تەۋەلىكى چېگرا بويلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ مۇئتە ئۇرۇشىدا رۇم دائىرلىرى بىلەن بىر تام تۇرۇپ مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭگە قاتناشقانلىقىدەك ئەكسىيەتچىل مەيدانىنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇنداق زور قوشۇننىڭ قايتا توپلانماسلىقى ئۈچۈن رۇملۇقلار بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەت پەيدا قىلىدىغان، ئەكسىچە ئۇلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق رىشتىسى ئورنىتىدىغان ئەپلىك چارە-تەدبىر قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدى. شۇ ڭا ئۇ مۇئتە ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ ئوزاق ئۆتمەي، يەنى ھىجىرىيىنىڭ 8- يىلى جامادىيەلئۇخرا (6-ئاي)دا يۇقىرىقى پىلانىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئەمر ئىبنى ئاسنى تاللىدى. چۈنكى، ئەمىرنىڭ چوڭ ئانىسى (يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان) بەللى دېگەن جايدىن ئىدى. يەنە بىر ئىبارىدە ئېيتىلىشچە، ئاخبارات يەتكۈزگۈچىلەر ‹‹قوزائە قەبىلىسىدىن بىر تۈركۈم كىشلەر توپلىنىپ مەدىنە ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلىش كويىدا بولۇۋېتىپتۇ»، دېگەن مەلۇماتنى يەتكۈزگەنىدى، شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەمر ئىبنى ئاسنى شۇ يەرگە ئەۋەتتى، دېيىلگەن. بەلكىم ئىككى ئىش بىر كېلىپ قالغان بولسا كېرەك. ھەر ھالدا رەسۇلۇللاھ ئەمرى ئىبنى ئاسقا بىر دانە ئاق ئەلەم ۋە ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ يەنە بىر دانە قارا ئەلەمنى تۇتقۇزۇپ مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ پېشقەدەملىرىدىن 300 كىشى بىلەن يولغا سالدى. قوشۇندا 30 ئاتلىق بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەمرنى ئۇ بېسىپ ئۆتىدىغان يول بويىدىكى بەللى، ئۆزرە ۋە بەلقىين ئاھالىلىرىنى ياردەمگە چاقىرىشقا بۇيرىدى. ئەمرى يول بويى كېچىسى يول يۈرۈپ، كۈندۈزى يوشۇرنۇپ مېڭىپ دۈشمەنگە يېقىنلاپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئۇقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رافىئە ئىبنى مەكىس جۇھەنىينى كەينىگە ياندۇرۇپ رەسۇلۇللاھدىن ياردەم سوراشقا ئەۋەتتى. بۇنىڭغا ئاساسەن رەسۇلۇللاھ ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى 200 يۈز كىشىگە باش قىلىپ ئەمر ئىبنى ئاسقا ياردەمگە ئەۋەتتى. بۇ قوشۇنغا رەسۇلۇللاھ مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ پېشقەدەملىرىنى، جۈملىدىن ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب قاتارلىق ساھابىلەرنى سەپلەپ بەردى. قوشۇن يولغا چىقىش ئالدىدا رەسۇلۇللاھ ئەبۇ ئۇبەيدىگە تاپىلاپ: ‹‹تېز يول يۈرۈپ ئەمرگە يىتىشىۋىلىپ، ئىككەيلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە جەڭ قىلىڭلار، ئىختىلاپلاشماڭلار»، دېدى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئەمرىگە يېتىشىۋالغاندىن كېيىن بىر نامازدا ئىمام بولماقچى بولۇۋىدى، لېكىن ئەمر ئىبنى ئاس ئۇنىڭغا: «سەن دېگەن ماڭا ياردەمگە كەلگەن، قوشۇننىڭ مەسئۇلى مەن، شۇڭا سەن ماڭا ئىقتىدا قىلىشىڭ كېرەك››، دېگەنىدى، ئەبۇ ئۇبەيدە ماقۇل بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قوشۇنغا ئەمرى ئىبنى ئاس ناماز باشلاپ ئوقۇپ بەردى. ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كېلىپ قوشۇن تەشكىللىنىپ بولۇۋىدى، ئەمر قوشۇننى باشلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ قوزائە قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغىچە باستۇرۇپ بېرىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ ئەڭ چەت يىراق جايلىرىغىچە ئات چاپتۇردى. شۇ جەريانىدا ئۇ بىر توپ ساياق قوشۇن بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىپ بىرلا ھۇجۇم بىلەن ئۇلارنى تارمار قىلدى ۋە ئەۋف ئىبنى مالىك ئەشجەئىينى رەسۇلۇللاھقا خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەدىنىگە يولغا سالدى. ئەۋف ناھايىتى تېز يول يۈرۈپ رەسۇلۇللاھقا قوشۇننىڭ ساق-سالامەت قايتقانلىقىنى ۋە جەڭ غەلىبىسىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلدى.
زاتۇسسەلاسىل ۋادىلقۇرانىڭ ئۇ چېتىگە جايلاشقان بىر جاي بولۇپ، مەدىنە بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كۈنلۈك مۇساپە ئىدى، ئىبنى ئىسھاق: ‹‹مۇسۇلمانلار بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە جوزام قەبىلىسىنىڭ سەلاسىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۇ بويىغا چۈشۈپ بارىگاھ تىككەن بولغاچقا، بۇ قوشۇن (سەلاسىل ئىگىلىرى دېگەن مەنىدە) ‹زاتوسسەلاسىل›، دەپ ئاتالغان»، دېدى
ئەبۇ قەتادە قوشۇنى
خۇزرە دېگەن جايغا ئەۋەتىلگەن بۇ قوشۇن ھىجىرىيىنىڭ 8- يىلى شەئبان (8- ئاي) دا ئەۋەتىلگەنىدى. سەۋەبى بەنى غەتپان قەبىلىسىدىن بىر توپ كىشىلەرنىڭ خۇزرە (نەجدە تەۋەلىكىدە بەنى مۇھارىپ قەبىلىسىنىڭ زېمىنى) گە توپلىنىۋاتقانلىقى ئاڭلاندى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەبۇقەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى 15 كىشىگە باش قىلىپ ئۇلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئەۋەتتى. ئەبۇ قەتادە بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ بېرىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئۆلتۈرۈپ، تەسلىم بولغانلارنى قالدۇرۇپ نۇرغۇن ئولجا ۋە غەنىمەتلەرگە ئېرىشتى. مەدىنىدىن ئايرىلىپ 15- كۈنى ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى.
مەككە پەتھىسى
بۆلۈم: “مەككە پەتھىسى”ئىبنى قەييۇم مەككە پەتھىسى ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹مەككە پەتھى ئۇرۇشى ئاللاھ ئۆزىنىڭ دىنىنى، ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇلۇغلىغان، ئۆز قوشۇنىنى ئەزىزلىگەن ۋە مۇقەددەس جاي مەككىنى (بولۇپمۇ ئىنسانلارغا ھىدايەت قىلىپ بېكىتىلگەن بەيتۇللاھنى) كاپىرلار ۋە مۇشىرىكلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ھەم شەرەپلىك ئۇرۇشتۇر. مەككە پەتھى قىلىنغاندا ئاسمان ئەھلى شاتلاندى. مەككىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئاشتى. كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ ئاللاھنىڭ دىنىغا كىردى. يەر-زېمىن قايتا يۇرۇپ خۇشاللىق تەنتەنىسىگە چۆمدى»، دېگەن.
ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى
ئالدىنقى بابلاردا يەنى ھىجىرىيىنىڭ 6- يىلىدىكى ھۇدەيبىيە شەرتنامىسىنى تىلغا ئالغاندا شەرتنامىنىڭ ماددىلىرىدىن مۇھىم بىر ماددا: «ھەرقانداق بىر ئەرەب قەبىلىسىنىڭ مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ ھىمايىسىگە كىرىش ياكى قۇرەيشلەرنىڭ ھىمايىسىگە كىرىش ئەركىنلىكى بولىدۇ، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ قايسى بىرسىنىڭ ھىمايىسىگە كىرگەن قەبىلە شۇ تەرەپنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن بۇ قەبىلىلەرگە قىلىنغان ھەرقانداق يولسىزلىق شۇ تەرەپكە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ھېسابلىنىدۇ»، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق.
مۇشۇ ماددىنىڭ روھىغا ئاساسەن خوزائە قەبىلىسى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ھىمايىسىگە كىردى. بەنى بەكرى قەبىلىسى قۇرەيشلەرنىڭ ھىمايىسىگە كىردى. نەتىجىدە ئىككىلى قەبىلە بىر-بىرىدىن ئەمىن بولۇشتى. بۇرۇن جاھىلىيەت دەۋرىدە بەنى بەكرى قەبىلىسى بىلەن خوزائە قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇزاققا سوزۇلغان قانلىق ئۇرۇش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەت داغلىرى بار ئىدى. ئىسلام دىنى مەيدانغا كېلىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ھۇدەيبىيە شەرتنامىسى تۈزۈلدى. نەتىجىدە، ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ بىر-بىرىدىن خاتىرجەم بولۇپ، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغانىدى. بەنى بەكرى قەبىلىسى خوزائە قەبىلىسىنىڭ بىخۇتلاشقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ كونا ئىنتىقامىنى ئالماقچى بولدى. ھىجرىيەنىڭ 8- يىلى شەئبان (8- ئاي)دا نەۋفەل ئىبنى مۇئاۋىيە دېگەن كىشى بەنى بەكرى قەبىلىسىدىن بىر توپ ئادەمنى باشلاپ چىقىپ، تۈن قاراڭغۇسىدا خوزائە قەبىلىسىنىڭ تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار بۇ چاغدا «ۋەتىر›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۇ بويىدا تۇرۇۋاتاتتى. بەنى بەكرى تەرەپ بۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىپ قاتتىق قىردى ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈردى. قۇرەيش تەرەپ بەنى بەكرى قەبىلىسىنى ئاستىرتتىن قوللاپ، ئۇلارنى قورال-ياراق ۋە ماددى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ھەتتا تۈن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ قۇرەيشلىك بەزى جېدەلخۇمار يالاڭتۆشلەر ئەمەلىي ئۇرۇشقىمۇ قاتناشتى. ھەتتا ئۇلار خوزائە قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرىنى ھەرەم زېمىنىغىچە قىستاپ كىردى. ئۇلار ھەرەم زېمىنىگە كىرىپ كەلگەندە بەنى بەكرى قەبلىسىدىن بەزى ئادەملەر: ‹‹ئى نەۋفەل بىز ھەرەم زېمىنىگە كىرىپ قالدۇق، ئاللاھتىن قورقايلى ››، دېگەنىدى، نەۋفەل قەبىھ جۆيلۈپ: «بۈگۈن خۇدا، ئىلاھ دېگەنلەرنى قويۇپ ئىنتىقام ئېلىڭلار، قەسەم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، سىلەر ھەرەمدە ئوغرىلىق قىلساڭلار بولىدىكەنۇ؟ بۇ يەردە قىساس ئالساڭلار بولمامدىكەن؟›› دېدى. خوزائە خەلقىنىڭ قېچىپ ئامان قالغانلىرى مەككىگە كىرىپ ئۆز جەمەتدىشى بولغان بۇدەيل ئىبنى ۋەرقائ خوزائىنىڭ ۋە شۇ جەمەتتىن رافئ ئىسىملىك يەنە بىر كىشىنىڭ قورۇسىغا كىرىپ پاناھلىنىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمرى ئىبنى سالىم خوزائى دەرھال يولغا چىقىپ مەدىنىگە يېتىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ بۇ چاغدا مەسچىتۇننەبەۋىدە ساھابىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇۋاتاتتى. ئەمرى ئىبنى سالىم ئۇدۇل مەسچىتكە كىرىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇدى:
مۇھەممەدتىن ئۆتۈنمەكچى، ئى خۇدا-پەرۋەردىگار!
نەچچە ئەۋلاد جان قەدىناس بىزگە بولغان غەمگۈزار.
سىلەرنىڭ چوڭ ئاناڭلار ھۇبا قىز — بىزنىڭ مومىمىز،
ئەزەلدىنلا ئىجىل ئۆتتۈق ۋەدىمىزدە ۋاپادار.
ئەل مەدەت قەتئى نىيەت ئاللاھ ئاتا قىلغاي ساڭا،
چاقىرىق قىل غازىلەرنى كەلسۇن بولۇپ مەدەتكار.
سەپلەر ئارا رەسۇلۇللاھ تولۇن ئايدەك چېچىپ نۇر،
يۈكسىلىپ بارغان قوشۇننى ئاق يولغا باشلار شاھيار،
تەڭلىسە گەر ئەجنەبىي ناھەق سىتەمگە باش ئەگمەس،
ئۆركەشلىگەن دەريا كەبى ماڭار ھەيۋەت تاجىدار.
قۇرەيش خەلقى خىلاپ قىلدى، ئەھدى پەيماننى بۇزۇپ،
ئەھدى-مىيساق بۇزغىنى چۈن بولۇش لايىق زىيانكار.
قۇرەيش خەلقى ماڭا قويدى «كەدا» يولىدا كۆزچى،
جېكىلەپ كەتتى ئۇزاق سېنى قىلماسقا خەۋەردار.
ياۋنىڭ سانىدۇر چەكلىك، رەزىل ھەم قەبىھ فىئىلدۇر،
«ۋەتىر» دا باستۇرۇپ چاپتى ئۇخلاپ ياتقاننى قىلماي ئار.
ئۇلار بىزنى باستۇردى نامازخان بولغانغا ھەم روزىدار .
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭ شىكايەتنامىسىنى ئاڭلاپ: ‹‹چوقۇم ياردەمگە ئىگە بولىسەن، ئى ئەمرى ئىبنى سالىم!›› دېدى ۋە شۇ ئەسنادا مەدىنە ئاسمىنىغا بۇلۇت پەيدا بولغانىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹بۇ بۇلۇتمۇ بەنى كەئەب، يەنى خۇزائە خەلقى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىۋاتىدۇ››، دېدى. ئارقىدىنلا بۇدەيل ئىبنى ۋەرقائ خوزائى خوزائە قەبلىسىدىن بىر بۆلۈك ئادەملەرنى باشلاپ مەدىنىگە يېتىپ كەلدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشۈپ ‹‹ۋەتىر ›› پاجىئەسىنى ۋە ئۇنىڭدا ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانىنى يەتكۈزدى. قۇرەيش دائىرلىرىنىڭ بەنى بەكرى ئۇرۇشقاقلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خوزائە قەبىلىسىگە زەربە بەرگەنلىكىنى شىكايەت قىلىپ قويۇپ مەككىگە قايتتى.
ئەبۇ سوفيان كېلىشىمنامىنى يېڭىلاپ تۈزۈش ئۈچۈن مەدىنىگە كەلدى
قۇرەيش ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى سادىر قىلغان يۇقىرىقى جىنايى قىلمىش كېلىشىمنامىغا خىلاپلىق قىلغانلىق ۋە ھايات-ماماتقا تاقىلىدىغان چوڭ ئەھدى-پەيمانغا ئوچۇق-ئاشكارا خىيانەت قىلغانلىق ئىدى. ئۇلار بۇ ئىشتا ئۆزلىرىنى ھېچقانداق بىر ئۆزرە ياكى باھانە كۆرسىتىپ ئاقلىيالمايتتى. شۇنداق بولغاچقا قۇرەيش دائىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىمنامىنى ئۆزلىرىنڭ بۇزغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ، خىيانەتنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئەنسىردى. شۇڭا ئۇلار دەرھال كېڭەيتىلگەن مەسلىھەت يىغىنى چاقىردى. يىغىندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشلىقى ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەربنى كېلىشىمنامىنى يېڭىلاپ قايتا تۈزۈپ كېلىشكە ۋەكىللىككە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ساھابىلەرگە قۇرەيش تەرەپ ئۆز خىيانىتى ئۈچۈن چوقۇم ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ: ‹‹ئېھتىمال ئەبۇ سۇفيان كېلىشىمنامىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كېلىپ قېلىشى مۇمكىن››، دېگەنىدى. ئەبۇ سۇفيان (ھېلىقى قارارغا ئاساسەن) يولغا چىقىپ ئوسپان دېگەن جايغا كېلىۋىدى، (مەدىنىدىن مەككىگە قاراپ كېلىۋاتقان) بودەيىل ئىبنى ۋەرقائ خوزائى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئەبۇ سۇفيان (ئۇنى مەدىنيگە بېرىپ مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى دەپ ئويلاپ):
— نەدىن كېلىشىڭ ئى بۇدەيل؟— دەپ سورىۋىدى، ئۇ:
— دېڭىز ساھىلى ۋە شۇتەرەپلەردىكى جەمەتداشلارنى يوقلاپ كەلدىم، — دەپ قويدى. ئەبۇ سۇفيان:
— مۇھەممەدنىڭ قېشىغا بارمىدىڭما؟ دەپ سورىۋىدى، بۇدەيىل:
— ياق،— دەپ جاۋاب بەردى. بۇدەيىل مەككىگە راۋان بولۇۋىدى، ئەبۇسۇفيان:
— ئەگەر ئۇ مەدىنىگە بارغان بولسا ئۇنىڭ تۆگىسى چوقۇم خورما ئۇرۇقچىسىنى يېگەن بولىدۇ، — دېدى-دە، بۇدەيل تۆگىسنى چۆكتۈرگەن يەرگە كېلىپ ئۇنىڭ مايىقىنى قولىغا ئېلىپ ئۇۋاپ باقتى ۋە ئۇنىڭدىكى خورما ئۇرۇقچىسىنى كۆرۈپ: ‹‹بۇدەيىل چوقۇم مۇھەممەدنىڭ قېشىغا بېرىپ كەپتۇ››، دېدى. ئەبۇسۇفيان مەدىنىگە يېتىپ كېلىپ ئۇدۇل قىزى ئۇممى ھەبىبىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى ۋە رەسۇلۇللاھ ئولتۇرىدىغان پالازدا ئولتۇرماقچى بولۇۋىدى، ئۇممى ھەبىبە ھېلىقى پالازنى قاتلاپ ئېلىۋەتتى. ئەبۇسۇفيان قىزىغا:
— ئى قىزىم! بۇ پالازنى مەندىن ئايىدىڭمۇ ياكى مېنى ئۇنىڭدىن ئايىدىڭمۇ؟— دەپ سورىدى. ئۇممۇ ھەبيبە:
— ئۇ دېگەن رەسۇلۇللاھ ئولتۇرۇپ قوپىدىغان پالاز، سەن بولساڭ مۇشرىك، مۇشرىك دېگەن نىجىس، — دەپ جاۋاب قىلدى. ئەبۇ سۇفيان:
— ئەزبىرايى خۇدا، سەن مەندىن ئايرىلىپ كۆپ بۇزۇلۇپسەن، — دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ كېلىشتىكى مۇددىئاسىنى ئېيتقانىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا لام-جىم دېمەي قوشۇمىسىنى تۈرۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەبۇ بەكرىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھقا گەپ قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەنىدى، ئەبۇ بەكرى: ‹‹مەن ئۇنداق قىلالمايمەن››، دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتتى. ئەبۇ سۇفيان ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىدىن چىقپ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كىردى ۋە ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىنى ئېيتقانىدى، ئۆمەر ئۇنىڭ گېپىگە خاپا بولغاندەك قىلىپ: ‹‹مەن سەنلەر ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا بارامدىمەن؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مەن سەنلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا قىلچىلىك ئاساس تاپىدىغان بولسام، سەنلەرگە ھەرگىز كېچىكتۈرمەي جىھاد ئوتى ئاچقان بولاتتىم ››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سۇفيان ئۆمەردىن دەككىسىنى يېگەنىدىن كېيىن پايپاسلاپ ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭكىگە باردى. بۇ چاغدا ئەلىنىڭ قېشىدا ئايالى پاتىمە بار ئىدى. ئوغلى ھەسەن يىقىلىپ قوپۇپ ئويناپ يۈرەتتى. ئەبۇ سۇفيان ئەلىگە: ‹‹ئى ئەلى! سەن بىلەن ئىككىمىز خېلى يېقىن تۇققانلاردىن بولىمىز، مەن بۇ يەرگە مۇنداق بىر ھاجەت بىلەن كەلگەن. مەن بۇ يەردىن كەلگەن پېتى چىقىپ كەتسەم بولماس، شۇڭا مەن بىلەن بىللە بېرىپ مۇھەممەدكە گەپ قىلىشىپ بەرسەڭ»، دېدى. ئەلى ئۇنىڭغا: ‹‹ئى ئەبۇ سۇفيان! قاراسېنى، رەسۇلۇللاھ بىر ئىشنى بېكىتسە بىز ئارىغا چۈشۈپ گەپ قىلالمايمىز››، دېدى. ئەبۇ سۇفيان لاپپىدە پاتىمىگە قاراپ: ‹‹ئى پاتىمە! سەن بۇ ئوغلۇڭنى بۇيرۇيالارسەنمۇ؟ ئۇ بىز خەلققە باشپاناھ بولۇپ ئۆمۈرۋايەت ئەرەبلەرنىڭ كاتتا ئەربابى بولار ئىدى››، دېۋىدى، پاتىمە: ‹‹ئەزبىرايى خۇدا! مېنىڭ بۇ ئوغلۇم تېخى باش پاناھ بۇلغۇدەك بولمىدى، بولغان تەقدىردىمۇ رەسۇلۇللاھ كېسىم قىلغان ئىشقا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ››، دېدى. بۇ چاغدا ئەبۇ سۇفياننىڭ كۆز ئالدىنى ۋەھىمىلىك بىر قارا تۇمان باستى چېغى، ئۇ جىددىيلەشكەن ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا: ‹‹ئى ئەلى! مېنىڭ ئىشلىرىم بارغانسېرى قاتماللىشىپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا سەن ماڭا بىر چىقىش يولى كۆرسەتكىن››، دېدى. ئەلى ئۇنىڭغا: ‹‹ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سېنى رازى قىلغۇدەك بىرەر چارە تاپالمايمەن، لېكىن سەنمۇ بەنى كەنانە (قۇرەيشلەرنىڭ چوڭ ئاتىلىشى) خەلقىنىڭ كاتتىسى. ئۇنداق بولغانىكەن سەنمۇ ئۆز خەلقىڭگە باشپاناھ بولىدىغانلىقىڭنى جاكارلاپ قويۇپ يولۇڭغا راۋان بولغىن››، دېدى. ئەبۇ سۇفيان: ‹‹سېنىڭچە مۇشۇنداق قىلسام مەقسەت ھەل بولارمۇ؟›› دېگەنىدى، ئەلى: ‹‹مەن چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، دېيەلمەيمەن، بىراق مەن ساڭا بۇنىڭدىن باشقا يول كۆرسىتەلمەيمەن››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سۇفيان ئودۇل مەسچىتكە كەلدى ۋە: ‹‹ئەييۇھانناس، مەنمۇ ئۆز خەلقىمگە باشپاناھ بولدۇم››، دېدى-دە، مەسچىتتىن چىقىپلا مەككىگە راۋان بولدى. ئۇ شۇ ماڭغان پېتى جىددىي يول يۈرۈپ مەككىگە يېتىپ كەلدى.
قۇرەيش خەلقى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ‹‹ئى ئەبۇ سۇفيان سەپەرنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟›› دەپ سوراشقان ئىدى، ئۇ: ‹‹مەن مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتۈم، ئەزبىرايى خۇدا، ئۇ ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئاندىن ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىلىق كەلمىدى. ئارقىدىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇ ھەممىدىن بەك دۈشمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ئاخىردا ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنىڭ يېنىغا بارغانىدىم، ئۇ خېلى يۇمشاق مۇئامىلە قىلدى. مەن شۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ قويۇپ قايتىپ كەلدىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئىشىم كار قىلدىمۇ، يوق؟ بىلمەيمەن››، دېدى. ئۇلار: ‹‹ئەلى سېنى نېمىگە بۇيرىغانىدى؟» دەپ سورىشىۋىدى، ئەبۇ سۇفيان: ‹‹ئۇ مېنى ئەل ئارىسىدا باشپاناھ بولۇشقا بويرىغانىدى، مەن شۇنداق قىلدىم››، دېدى. ئۇلار: ‹‹ئۇنى مۇھەممەد ئېتىراپ قىلدىمۇ؟ دېيشىۋىدى، ئەبۇ سۇفيان: ‹‹ياق››، دېدى. ئۇلار: ‹‹ۋاي! سېنى ئەخمەق قىلغىنىنى، ئۇ ئادەم ساڭا چاقچاق قىلىپتۇ، خالاس››، دېيشتى. ئەبۇ سۇفيان: ‹‹ياق، ئۇنداق قىلمىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭدىن باشقا يولنى مەنمۇ تاپالمىدىم››، دەپ گەپنى تۈگەتتى.
غازات تەييارلىقى ۋە ئۇنى مەخپىي تۇتۇش چارىلىرى
ئىمام تەبەرانى نەقىل قىلغان ھەدىسلەردىن مەلۇم بولىشىچە، رەسۇلۇللاھ ئائىشىگە (ئۇنىڭغا قۇرەيش دائىرلىرىنىڭ ھۇدەيبىيە ئەھدىنامىسىنى بۇزغانلىق خەۋىرى يېتىپ كېلىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى) سەپەر تەييارلىقى كويىغا كىرىپ قويۇشقا ۋە ئۇنى مەخپى تۇتۇشقا بۇيرىغان. شۇ كۈنلەردە ئەبۇ بەكرى ئائىشىنىڭ يېنىغا كىرگەن ۋە: ‹‹ئى قىزىم! بۇ نېمە ئىش؟» دەپ سورىغان. ئائىشە: ‹‹ئەزبىرايى خۇدا! مەنمۇ بىلمەيمەن››، دەپ جاۋاب بەرگەندە، ئەبۇ بەكرى: ‹‹سۇبھانەللاھ! بۇ رۇملۇقلار بىلەن ئۇرۇشىدىغان چاغ بولمىسا، رەسۇلۇللاھ قەيەرنى ئىرادە قىلىدىغاندۇ؟›› دەپ قالغان. ئائىشەمۇ: ‹‹مەنمۇ بىلمىدىم››، دېگەن. مۇشۇ گەپ بولۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئەمرى ئىبنى سالىم خۇزائى قىرىق ئاتلىق كىشى بىلەن مەدىنىگە يېتىپ كېلىپ، ھېلىقى
مۇھەممەدتىن ئۆتۈنەي ئى خۇدا پەرۋەردىگار!
قەدىناسلىق ھۆرمىتى ئۇ بىزگە بولسۇن غەمگۇزار
دېگەن تەشەببۇسنامىسىنى ئوقۇغان. شۇ چاغدا كىشىلەر ئاندىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئۇققان. ئەمرى كېلىپ بىر ئىككى كۈندىن كېيىن بۇدەيل ئىبنى ۋەرقا خۇزائى كەلگەن. ئارقىدىن ئەبۇ سۇفيان كەلگەن. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلار خەۋەرنىڭ راستلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.
ھاسىل كالام، رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا غازات تەييارلىقى كۆرۈپ قويۇشقا بۇيرىدى ۋە مەككىگە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئۇقتۇرۇپ: ‹‹ئى ئاللاھ! بىز مەككىگە باستۇرۇپ كىرمىگۈچە جاسۇسلارنىڭ قۇرەيشلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلىغىن»، دەپ تىلىدى.
سىرتقا قارىتا ئىشنى تېخىمۇ مەخپى، تېخىمۇ سىر تۇتۇش ۋە دۈشمەننىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرۇۋېتىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەبۇ قەتادە ئىبنى رەبىئى باشچىلىقىدا سەككىز كىشىلىك پىدائىيلار قوشۇنى تەشكىللەپ، مۇشۇ يىلى، يەنى ھىجىرىيىنىڭ 8- يىلى رامىزاننىڭ بېشىدىلا بەتنى ئىزەم دېگەن جاي (مەدىنىدىن 35 چاقىرىم بولۇپ زى خەشەپ بىلەن زى مەرۋە ئوتتۇرىسىغا توغرا كىلىدۇ)غا ‹‹كۆزەتچىلىك ›› ۋەزىپىسنى ئۆتەشكە ئەۋەتتى. مەقسەت مەدىنە تەرەپنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدىغان پايلاقچى كۆزلەر رەسۇلۇللاھنى شۇ تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلماقچى ئوخشايدۇ دەپ قالسۇن ھەمدە شۇنداق خەۋەر تارقالسۇن ئۈچۈن ئىدى.
مەزكۇر قوشۇن بۇيرۇققا بىنائەن داۋاملىق يول يۈرۈپ، ئاخىر بەلگىلەنگەن نىشانغا يېتىپ بارغاندا، رەسۇلۇللاھ مەككىگە قوشۇن تارتىپ يۈرۈپ كەتكەنلىكى ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتنىڭ تىزگىنىنى مەككە تەرەپكە بۇراپ، تېز يول يۈرۈپ چوڭ قوشۇننىڭ كەينىدىن يىتىشىۋالدى.
شۇ ئارىدا ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دېگەن ساھابە قۇرەيش خەلقىگە خەت يېزىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلارغا قوشۇن تارتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەككىدە تۇرۇۋاتقان بالا-چاقىلىرىنى قوغدىماقچى بولدى ۋە بۇ خەتنى شۇ تەرەپكە ماڭغان بىر ئايالغا تۇتقۇزۇپ، ناۋادا خەتنى ساق-سالامەت ئۆز جايىغا تاپشۇرۇپ بېرەلىسە مۇۋاپىق سۆيۈنچى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى خوتۇن خەتنى ئۆرۈم چېچىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ مەككىگە قاراپ يول ئالدى… شۇ ھامان رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي نازىل بولۇپ ھاتەبنىڭ ئىشى خەۋەر قىلىندى. شۇڭا ئۇ ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ ۋە مىقدادنى ئاتلىق يولغا سالدى ۋە ئۇلارغا: ‹‹سىلەر ئىككىڭلار رەۋزەتى خاخ دېگەن جايغا بېرىپ ئۇ يەردە مەككىگە كېتىۋاتقان بىر ئايالنى كۈتۈڭلار، ئۇنىڭدا مەككىلىكلەرگە يوللانغان بىرپارچە خەت بار، ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار››، دېدى. ئۇلار ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ ھېلىقى جايغا يېتىپ بارسا راست دېگەندەك ئۇ يەردە مەككىگە كېتىۋاتقان بىر خوتۇننى ئۇچراتتى ، ئۇلار ھېلىقى خوتۇننى ئۇلاغدىن چۈشۈرۈپ: ‹‹خەتنى چىقار!›› دېگەنىدى. ئۇ خوتۇن: ‹‹مەندە خەت يوق››، دەپ قەتئىي تاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ خوتۇننىڭ يۈك تاقلىرىنى بىر بىرلەپ ئاختۇرۇپمۇ خەتنى تاپالمىدى. شۇڭا، ئەلى ئۇنىڭغا: ‹‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ يالغان سۆزلىمەيدۇ، بىزمۇ ھەم ساڭا يالغاندىن تۆھمەت قىلغىنىمىز يوق، سەن چوقۇم خەتنى چىقار، بولمىسا كىيىمىلىرىڭنى سالدۇرۇپ ئاختۇرۇمىز››، دېۋىدى بۇ خوتۇن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدى بولغاي، ئەلىگە: ‹‹ئەمىسە ئۇياققا قاراپ تۇر›› دېدى. ئەلى باشقا ياققا قاراپ تۇرغان ئىدى، ئۇ بېشىدىن بىر ئۆرۇم چاچنى چۇۋۇپ ئارىسىدىن خەتنى چىقىرىپ ئەلىگە سۇندى. ئەلى ۋە مىقدادلار دەرھال مەدىنىگە قايتىپ خەتنى رەسۇلۇللاھقا تاپشۇردى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: ‹‹ ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئەدىن قۇرەيش كاتتىلىرىغا سالام! مەلۇم بولغايكى…››. ئۇ خېتىدە رەسۇلۇللاھنىڭ مەككىگە قوشۇن تارتماقچى بولۇۋاتقانلىقنى خەۋەر قىلغانىدى، رەسۇلۇللاھ ھاتەبنى چاقىرتىپ: ‹‹بۇ نېمە ئىش؟ ئى ھاتەب!›› دېگەنىدى، ھاتەب: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! ئالدىرىمىسىلا، قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان ئىمانىم كامىل، مەن بۇ ئىشنى مۇرتەد بولۇپ دىندىن يانغانلىقىم ئۈچۈن ۋە ياكى دىننى دۇنياغا ساتقانلىقىم ئۈچۈن قىلغىنىم يوق، پەقەت مەن ئەسلى قۇرەيشلىك بولماستىن ئۇ يەرگە كۆچمەن ئادەممەن، مېنىڭ ئۇ يەردە بالا-چاقىلىرىم ، ئورۇق-تۇققان، ئەھلى ئەۋلادلىرىم بار، ئۇلار ھىماتچىسىز قالدى، باشقا مۇھاجىرلارنىڭ ئەھلى-ئەۋلادلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان تۇققانلىرى (ھىماتچىلىرى) بار، شۇڭا مەن بۇ خەتنى يوللاش ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدىكى بالا چاقىلىرىمنى قوغدايدىغان بىر ئەھدى بەرپا قىلماقچى بولغانىدىم، خالاس. باشقا مەقسەت يوق››، دېدى. بۇ چاغدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب قىلىچىنى سۇغۇرۇپ: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! رۇخسەت قىلسىلا، مەن بۇ مۇناپىقنىڭ كاللىسىنى ئالاي، ئۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپتۇ، ئۇ مۇناپىق بوپتۇ؟›› دېگىلى تۇرغانىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئۆزۈڭنى بېسىۋال، ئى ئۆمەر! ئۇ دېگەن بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقان، سەن بىلەمسەن، ئاللاھ بەدرىگە قاتناشقانلارغا ئىلتىپات قىلىپ: ‹خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، مەن سىلەرگە مەغپىرەت قىلىۋەتتىم› دىگەن››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر كۆز يېشى قىلىپ: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدى.
مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئاللاھ جاسۇس-پايلاقچىلارنىڭ يوللىرىنى ئەتتى-دە، قۇرەيش تەرەپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكەت پىلانى ۋە ئۇرۇش تەييارلىق ھەرىكەتلىرىدىن قىلچە خەۋەرسىز قالدى.
قوشۇن مەككىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى
ھىجريىنىڭ 8-يىلى رامىزان (9-ئاي)نىڭ 10- كۈنى رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە ئۆز ئورنىدا ئەبۇ رەھمىلغىپارىنى قالدۇرۇپ، ئون مىڭ ساھابە (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بىلەن مەككىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ جۆھپىگە يىتىپ كىلىۋىدى، تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەللىب يولۇقتى. ئۇ بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلاپ ھىجرەت قىلىپ مەككىدىن قايتىپ چىققان ئىدى. ئاندىن يەنە ئەبۋائ دېگەن يەرگە بارغاندا يەنە بىر تاغىسى ھارىسنىڭ ئوغلى ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھارىس ۋە ھاممىسىنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئۇمەييىگە يولۇقتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئىلگىرى بۇلاردىن كۆپ ئەزىيەت تارتقان ۋە ئاھانەت يېگەن بولغاچقا، بۇلارغا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتسە ئۇ يۈزىنى باشقا ياققا بۇرىۋالاتتى، بۇچاغدا ئۇممى سەلىيمە: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۆز تاغاڭ ۋە ھامماچاڭنىڭ بالىلىرى سېنىڭ ئۇلارنى مەئزۇر تۇتماسلىقىڭ بىلەن شەقى (بىتەلەي بەتبەختلەردىن) بولۇپ كەتمىسۇن يەنە››، دېدى. ئۇنىڭغىچە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپمۇ ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھارىس (ئەلىينىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى)غا ئىش ئۆگىتىپ: ‹‹سەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ يۈسۈف (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ يۈسۈف (ئەلەيـھىسسالام)غا دېگەندەك: ﴿قَالُواْ تَاللّھِ لَقَدْ ژڭَرَكَ اللّھُ ىَلَيْنَا وَإِن كُنَّا لَخَاطِېِينَ﴾ ‹ئۇلار: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق› دېيىشتى)› (‹قۇرئان كەرىم› سۈرە يۈسۈف 91- ئايەت)، دېگىن. ئۇ چاغدا ساڭا رەسۇلۇللاھتىنمۇ يېقىملىق سۆز قىلىدىغان كىشى بولمايدۇ››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھارىس رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەلى ئۆگەتكەندەك دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ يۈسۈف ئەلەيـھىسسالام بىر تۇققان-قېرىنداشلىرىغا قايتۇرغان مۇنۇ جاۋاپنى نەقىل قىلىپ ئوقىدى: ﴿قَالَ لاَ تَڭْرَيبَ ىَلَيْكُمُ الْيَوْمَ يَغْفِرُ اللّھُ لَكُمْ وَھُوَ ۆَرْچَمُ الرَّاچِمِينَ ﴾ ‹‹بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچىرمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن! ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر››. بۇ چاغدا ئەبۇ سۇفيان خۇشاللىنىپ تۆۋەندىكى بېيىتلارنى ئوقۇدى:
قەسەم ئۆمرى ھاياتىم، مەن ئەلەم كۆتۈرگەن چاغ،
ھامان غالىب كېلەر دەپ لات-مانات قوشۇنلىرى.
ھەيرانىمەن تېڭرقاپ يۈرەرئىدىم ئازغۇندەك،
ئەمدى كۆڭلۈم ئازادە تاپقانغا ھەق يوسۇنلىرى.
توغرا يولنى كۆرسەتتى مەن ئاداۋەت قىلغان زات،
قىلغانىدىم قوغلاندى، چوۋىغان سورۇنلىرى.
مۇشۇ يەرگە كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭ مەيدىسىگە قاتتىق بىرنى ئۇرۇپ: ‹‹ئاشۇ مېنى قوغلاندى قىلغانلارنىڭ بىرسى سەن ئىدىڭ ›› ، دېدى.
قوشۇن مەررى زەھراندا
رەسۇلۇللاھ ئىسلام قوشۇنى بىلەن يول بويى روزىدار ھالەتتە يول يۈرۈپ ئاخىرى كۇدەيد (ئوسپان بىلەن قەدەيد ئوتتۇرىسىدىكى سۇ مەنبىئىنىڭ نامى) دېگەن يەرگە يېتىپ بارغاندا ئىپتار قىلىۋەتتى. مۇسۇلمانلارمۇ ئىپتار قىلدى، ئاندىن يەنە ئاتلىنىپ شۇ كۈنى كەچكە مەررى زەھرانغا يېتىپ باردى. ئاندىن قوشۇنغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھەر بىر ئادەم ئايرىم-ئايرىم يەرگە ئوت قالاشقا پەرمان قىلدى. نەتىجىدە، مەررى زەھران ۋادىسىدا ئون مىڭ يەرگە ئوت يېقىلدى. رەسۇلۇللاھ بۈگۈنكى مۇھاپىزەتچىلىككە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى مەسئۇل قىلدى.
ئەبۇسۇفيان ئىبنى ھەرب رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا
قوشۇن مەررى زەھرانغا چۈشكەندىن كېيىن ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) رەسۇلۇللاھنىڭ ئاق خېچىرىغا مىنىپ ئوتۇنچى ياكى بىرەر ئادەم تېپىپ قۇرەيشلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ ئۇلار مۇسۇلمانلار مەككىگە باستۇرۇپ كىرگىچە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئامانلىق تىلىۋالسا، دەپ بىر ھازا يول يۈردى. ئاللاھ قۇرەيشلەردىن ھەرقانداق خەۋەرنى ئۈزۈۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار قورقۇنچىدا ئەتراپىنى كۆزىتىپلا يۈرەتتى. بولۇپمۇ، ئەبۇسۇفيان ئىبنى ھەرب ئۆزىنىڭ قۇرەيشلەرنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن پات- پات مەككىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېچىنى قاراڭغۇ، كۈندۈزنى ئىسسىق دېمەي خەۋەر تىمىسقلاپ كۆڭلى دەككۈ-دۈككىدە ئۆتۈۋاتاتتى. ئۇ بۈگۈن ئاخشاممۇ ھەكىم ئىبنى ھىزام، بۇدەيل ئىبنى ۋەرقائلار بىلەن ئۆزئارا مۇڭداشقاچ خەۋەر تىمىسقلاپ چىققانىدى. ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دەيدۇ: ‹‹مەن ھېلىقى خېچىر بىلەن (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ خېچىرى بىلەن) كېتىۋىتىپ ئۇشتۇمتۇت ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب بىلەن بۇدەيل ئىبنى ۋەرقائلارنىڭ جىددىي تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلىقنى ئاڭلاپ قالدىم.
ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دېدى:
— بۈگۈنكىدەك كۆپ ئوتنى ۋە بۇنداق كۆپ قوشۇننى كۆرمىگەنمەن. بۇدەيل ئۇنىڭغا جاۋابەن:
— بۇ چۇقۇم خۇزائە قەبىلىسى، ئۇلارنى ئۇرۇش ئەنە شۇنداق چېچىۋەتكەن، — دېدى. ئەبۇسۇفيان:
— خۇزائە دېگەن مۇنچە كۆپ خەلق ئەمەس، بۇ ئوتلار ئۇلارنىڭ ياققان ئوتلىرى ئەمەس، بۇ ئۇلارنىڭ قوشۇنىمۇ ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇپلا ئۈنلۈك قىلىپ: ‹‹ئەبۇ ھەنزەلەمۇسەن؟›› دېدىم. (ئەبۇ ھەنزەلە ئەبۇ سۇفياننىڭ كۇنىيەت ئىسمى ئىدى) ئەبۇ سۇفيانمۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى نەخ تۇنۇپ: ‹‹ئەبۇلفەزلىمۇ؟›› دەپ توۋلىدى، مەن: ‹‹ھەئە، مەن شۇ ››، دېسەم، ئۇ: ‹‹ساڭا ئاتا-ئانام پىدادۇر، سەن بۇ يەرلەردە نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟›› دېدى، مەن: ‹‹بىلەمسەن؟ بۇ دېگەن رەسۇلۇللاھ، ناھايىتى زور قوشۇن بىلەن كەپتۇ. قۇرەيشلەرنىڭ ئەتىگىنىگە ۋاي، ئەزبىرايى خۇدا››، دېدىم. ئۇ: «ئەمدى نېمە ئىش قىلسام بولار، ساڭا ئاتا-ئانام پىدادۇر››، دېگەنىدى، مەن ئۇنىڭغا: ‹‹ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئۇ سېنى تۇتۇۋالسا چوقۇم بېشىڭنى ئالىدۇ، شۇڭا سەن بۇ خېچىرىمنىڭ كەينىگە مىنگىن، مەن سېنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ئامانلىق ئېلىپ بىرەي››، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سۇفيان كەينىمگە مىندى، قالغان ئىككى ھەمراسى بولسا قايتىپ كېتىشتى.
ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) يەنە مۇنداق دەيدۇ: شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنى ئېلىپ كەلدىم، ھەرقاچانكى ئۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار توپىدىن بىر توپنىڭ يېنىدىن ئۆتسەم ئۇلار: «بۇ كىم؟» دېيىشەتتى، ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ خېچىرىنى مىنىڭ مىنىگلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسە: ‹رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئىكەن، رەسۇلۇللاھنىڭ خېچىرىغا مىنىۋاپتۇ›، دەيتتى. بىر چاغدا مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بار توپنىڭ يېنىدىن ئۆتتىم، ئۆمەر ئورنىدىن تۇرۇپ: «بۇ كىم؟» دەپ قالدى. مېنى ۋە ئەبۇ سۇفياننىڭ مېنىڭ كەينىمدە رەسۇلۇللاھنىڭ خىېچىرىغا مىنىگلىك ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ: ‹‹خۇدانىڭ دۈشمىنى ئەبۇ سۇفيان ئىكەنغۇ، ئاللاھقا شۈكرىكى ئۇ سېنى ئوتتۇرىدا ئەھدى كېلىشىم بولمىغان ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ››، دېدى-دە، ئاندىن رەسۇلۇللاھ بار جايغا قاراپ يۈگۈردى. مەنمۇ خېچىرنى تېزلىتىپ ئۇنىڭدىن ئېشىپ بېرىپ خىېچىردىن ئۆزۈمنى ئېتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىردىم. ئۆمەر ئىبنى خەتتابمۇ كەينىمدىن ئىز بېسىپ كىرىپ: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! مانا بۇ ئەبۇسۇفيان ئىبنى ھەرب — خۇدانىڭ دۈشمىنى كىرىپ كەلدى. ماڭا ئىجازەت قىلسىلا مەن ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالاي››، دەپ دېۋەيلەپ تۇرىۋالدى. مەن: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىپ بولدۇم ››، دېدىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا بىردەم ئولتۇردۇم. بۇ جەرياندا مەن ئەبۇ سۇفياننىڭ بېشىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇتۇۋېلىغلىق ئىدىم ۋە: ‹‹ئاللاھ بىلەن قەسەم، بۈگۈن كېچە ئۇنىڭغا مەندىن باشقا ھېچكىشىنى قېتىشقا بولمايدۇ ›› ، دەيتتىم. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىدا ئەبۇ سوفيان توغرىلىق تولا غۇلغۇلا قىلغىلى تۇرۇۋىدى، مەن ئۇنىڭغا: ‹‹بولدى قىلساڭچۇ، ئى ئۆمەر ! ئەگەر ئۇ بەنى ئەدىي جەمەتى (ئۆمەرنىڭ جەمەتىنى دېمەكچى. — ت)دىن بولغان بولسا ئۇنداق دەپكەتمىگەن بولاتتىڭ ھەر قاچان ›› ، دېدىم. ئۆمەر: ‹‹ئى ئابباس! سەنمۇ بولدى قىلغىن، مەن سېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىڭغا ئاتام خەتتابنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىنمۇ (ناۋادا ئۇ مۇسۇلمان بولۇپ قالغان بولسا) بەكرەك خۇشالمەن، بۇ پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ سېنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىڭنى (ئاتام) خەتتابنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈندۇر، ئەلۋەتتە››، دېدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئابباسقا: ‹‹ئى ئابباس! ئۇنى ياتىقىڭغا ئېلىپ كېتىپ ئەتە سەھەرلىككە ئېلىپ كەلگىن››، دېدى. ئەتىسى ئەتتىگىنى تاڭ سەھەردە ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھوزۇرىغا ئېلىپ كەلدىم. رەسۇلۇللاھ ئۇنى كۆرۈپ: ‹‹ھەي سېنى ئەبۇ سۇفيان! ساڭا ئاللاھنىڭ بىرلىگىنى بىلىش ۋاقتى يەتمىدىمۇ؟›› دېۋىدى، ئەبۇ سۇفيان: ‹‹ساڭا ئاتا-ئانام پىدادۇر، سەن نىمىدېگەن كەڭ قورساق، نىمىدېگەن ئېسىل ھەم سىيلە-رەھىمدىلسەن! مەن شۇ تاپتا بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ بولسىدى، ماڭا مۇشۇ ھالەتتە كارغا كېلەر ئىدى، دەپ قالدىم»، دېدى، رەسۇلۇللاھ يەنە: ‹‹ھەي ئەبۇ سۇفيان! ساڭا مېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمنى تونۇش ۋاقتى يەتمىدىمۇ؟›› دېگەنىدى، ئەبۇ سۇفيان: ‹‹ساڭا ئاتا-ئانام پىدادۇر ئى رەسۇلۇللاھ! سەن نېمىدېگەن كەڭ قورساق، نېمىدېگەن ئەپۇچان ۋە نېمىدېگەن سىيلە-رەھىيملىك، ئەمما ئوچۇقىنى ئېيتسام تا ھازىرغا قەدەر كۆڭلۈمدە ئۇنىڭدىن ئازراق سان بار ›› دېدى.
بۇ چاغدا ئابباس: ‹‹ھە…ي، سېنى ئەبۇسۇفيان، تولا ۋالاقشىماي بوينۇڭغا قىلىچ چۈشۈپ بولغۇچە شەھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولساڭچۇ؟!›› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ‹‹بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام) ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى››، دەپ شاھادەت (گۇۋاھلىق) ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى.
ئابباس مۇنداق دېدى: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! ئەبۇ سۇفيان ھوقوقپەرەس ئادەم، شۇڭا ئۇنىڭغا ئازراق ئىمتىياز ئىلتىپات قىلغان بولساڭ››، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدى ۋە: ‹‹كىمكى ئەبۇ سۇفياننىڭ قورۇسىغا كىرىۋالسا ئامان بولىدۇ، كىمكى ئۆز قورۇسىدىن چىقمىسا ئامان بولىدۇ ۋە كىمكى مەسجىدىلھەرامغا كىرىۋالسا ئامان بولىدۇ››، دېدى.
قوشۇن مەررى زەھراندىن مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى
شۇ كۈنى ئەتىگەن، يەنى ھىجرىيەنىڭ 8- يىلى رامىزاننىڭ 17- كۈنى چارشەنبە سەھەردە رەسۇلۇللاھ قوشۇننى باشلاپ مەررى زەھراندىن مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى ۋە ئابباسقا ئەبۇ سۇفياننى (ئۇ لەشكىرى ئىسلامنى بىر-بىرلەپ كۆرسۈن ئۈچۈن) ۋادىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى تاغ يولى ئېغىزىدا توختىتىپ تۇرۇشنى تاپىلىدى. ئابباس ئەبۇ سۇفياننى رەسۇلۇللاھنىڭ دىگىنىدەك تاغ يولى ئېغىزىدا توختىتىپ تۇرغانىدى. ئۇ يەردىن ھەرقايسى قەبىلە ۋە ئايماقلار ئەلەملىرىنى لەپىلدىتىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. ئەبۇ سۇفياننىڭ ئالدىدىن ھەر بىر قەبىلە ياكى ئايماق ئۆتسە: ‹‹ئى ئابباس! بۇلار كىملەر؟» دەپ سورايتتى. ئابباس ئۇنىڭغا: «(مەسلەن) بەنى سولەيىم قەبىلىسى ياكى پالان ئايماق››، دەپ جاۋاب بەرسە، ئەبۇ سۇفيان: ‹‹مەن بەنى سۇلەيم خەلقىگە نېمە قىلغان بولغىيتتىم ؟››، دەيتتى، ئاندىن يەنە بىر قەبىلە ئۆتسە ئەبۇ سۇفيان: «بۇ قايسى قەبىلە؟ ›› دەپ سورايتتى ئابباس ‹‹ موزەينە قەبىلىسى ›› دىسە ئەبۇ سۇفيان : ‹‹ موزەينە خەلقىگە نېمە قىلغان بولغىيتتىم ؟›› دەيتتى. ئاخىرى ھەممە قەبىلە ۋە ئايماقلار ئۆتۈپ بولدى. ھەرقاچانكى بىر قەبىلە ياكى بىر ئايماق ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە ئۇ ئابباستىن: «بۇ قايسى قەبىلە؟» دەپ سورايتتى. ئۇنىڭغا: ‹‹پالان قەبىلە ياكى پالان ئايماق» دېيىلسە ئۇ: ‹‹مەن ئۇنىڭغا نېمە قىلغان بولغىيتىم، مەن بۇنىڭغا نېمە قىلغان بولغىيتتىم ؟››، دەپ ھەممىسىدىن ئاغرىناتتى. ئاخىرى بىر چاغدا رەسۇلۇللاھ مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن تەركىب تاپقان ياپ-يېشىل كىيىملىك سەرخىل بىر قوشۇن بىلەن يېتىپ كېلىۋىدى، ئۇلار بىر پۈتۈن ساۋۇت كىيىم كىيىۋالغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆز قارىچۇقىدىن ئۆزگە يېرى كۆرۈنمەيتتى. ئەبۇسۇفيان چۆچىگەن ھالدا: «سۇبھانەللاھ، ئى ئابباس! بۇلار كىملەر؟›› دەپ سورىدى، ئابباس: «بۇلار رەسۇلۇللاھ، مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار›› دېگەنىدى، ئەبۇ سۇفيان: «بۇلارغا ھېچكىشىنىڭ كۈچى يەتمىگۈدەك»، دېدى، ئاندىن ئۇ يەنە: ‹‹ئى ئابباس! بۈگۈن قېرىندىشىڭنىڭ ئوغلىنىڭ سەلتەنىتى ھەقىقەتەن كاتتا بولۇپ كېتىپتۇ››، دېگەنىدى، ئابباس: ‹‹ئى ئەبۇ سۇفيان! ئۇ دېگەن سەلتەنەت ئەمەس، بەلكى ئۇ دېگەن پەيغەمبەرلىك (يەنى ئىلاھىي ھاكىمىيەت)» دېۋىدى، ئەبۇ سۇفيان: ‹‹ئۇنداق دىسەڭمۇ مەيلى ئەمىسە» ، دېدى.
بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئەنسارلارنىڭ ئەلىمىنى سەئەد ئىبنى ئۇبادە كۆتۈرگەن ئىدى. ئۇ ئەبۇ سۇفياننىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە: «ئەي ئەبۇ سۇفيان! بۈگۈن ئەدىبىڭلارنى بىرىدىغان كۈن، ھەرەمدە ئۇرۇش قىلىش دۇرۇس بولغان كۈن، ئاللاھ قۇرەيشلەرنى خار-زەبۇن قىلىدىغان كۈن››، دەپ قويۇپ مېڭىپ كەتتى. شۇ ئەسنادا رەسۇلۇللاھ ئەبۇ سۇفياننىڭ ئۇدۇلىغا يېتىپ كېلىۋىدى، ئەبۇ سۇفيان ئۇنىڭغا: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! سەئەدنىڭ نېمىلەرنى دېگىنىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟›› دېدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئۇ نېمە دېدى؟›› دېگەنىدى، ئەبۇ سۇفيان رەسۇلۇللاھقا سەئەدنىڭ دېگەنلىرىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلاپ ئوسمان بىلەن ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋفلەرمۇ: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! بىزمۇ سەئەدنىڭ قۇرەيشلەر ئارىسىدا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدە ھەرىكەت قوللىنىشىدىن خاتىرجەم بولالمايمىز››، دېيىشتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: ‹‹بەلكى بۈگۈن كەئبە (يەنى ھەرەم) ئۇلۇغلىنىدىغان، ئاللاھ قۇرەيشلەرنى ئىلگىرىكىدىنمۇ ئەزىزلەيدىغان كۈن››، دېدى. ئاندىن سەئەدگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى ئەلەمنى تارتىۋېلىپ ئۇنى سەئەدنىڭ ئوغلى قەيىس ئىبنى سەئەدكە تۇتقۇزدى. بۇ ئارقىلىق ئاساسىي مەقسەت ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆڭۈل ئارازلىق تەڭلا ھەل قىلىندى. يەنە بىر سۆزدە زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامغا تۇتقۇزغان، دېيىلگەن.
قۇرەيشلەر ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئۇشتۇمتۇت كىرگەنلىكىدىن ھاڭ-تاڭ قىلىشتى
رەسۇلۇللاھ ئەبۇ سۇفياننىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھامان ئابباس ئۇنىڭغا: ‹‹تېز بولغىن، سەن خەلقىڭگە خەۋەر يەتكۈزگىن››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سۇفيان قوشۇندىن ئىلگىرلەپ ئۇچقاندەك ئات چاپتۇرۇپ مەككىگە كىردى ۋە پۈتۈن ئاۋازى بىلەن : ‹‹ئى قۇرەيش خەلقى! مانا ھازىر مۇھەممەد تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان زور قوشۇن بىلەن يېتىپ كەلدى. دەرھال قېچىڭلار! كىمكى ئەبۇ سۇفيان قورۇسىغا كىرىۋالسا ئامان بولىدۇ››، دەپ توۋلىغىلى تۇردى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئايالى ھىندى بىنتى ئۇتبە يۈگۈرەپ چىقىپ ئۇنىڭ ساقىلىدىن ئالدى ۋە ئاغزىنى بۇزۇپ: ‹‹ھۇ قورقۇنچاق توخۇ يۈرەك! بۇ مەيدانسىز ئەبلەخنى ئۆلتۈرۈڭلار! دۈشمەننىڭ قول چۇماقچىسى بولۇپ كەتكەنلىكىڭگە ئىسىت››، دەپ چۇقان كۆتۈردى. ئەمما ئەبۇ سۇفيان ئۇنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلماي: ‹‹ۋاي! سىلەرنى نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر، بۇ خوتۇننىڭ گېپىگە كىرمەڭلار، مۇھەممەد سىلەرگە سان-ساناقسىز قوشۇن بىلەن باستۇرۇپ كەلدى. ھەركىم ئەبۇ سۇفياننىڭ (يەنى مىنىڭ دېمەكچى.— ت) ھويلىسىغا كىرىۋالسا ئامان قالىدۇ››، دېگەنىدى، ئۇلار: ‹‹ئى ۋابال تەككۈر! سېنىڭ ھويلاڭ نېمىگە كار قىلاتتى››، دېيىشتى. شۇڭا ئۇ: ‹‹ئۆز ھويلىسىغا كىرىپ دەرۋازىسىنى تاقىۋالغانلارمۇ ئامان قالىدۇ، مەسجىدىلھەرامغا كىرىۋالغانلارمۇ ئامان قالىدۇ››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۆز ئۆيىگە ۋە مەسجىدىلھەرەم تەرەپكە يۈگۈرۈشتى. شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلۈك كىشىلەر ياتلار ئۈچۈن جان بېرىشنى شەرەپ بىلىدىغان ھەبەشلىك ئەخمەق-نادانلارنى ياللاپ تەشكىللەپ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇيۇشتۇردى. ئۇلارنىڭچە ئىش ئوڭدىن كېلىپ قۇرەيش غەلىبە قىلسا ھەممەيلەن قوزغىلىپ جەڭ قىلماقچى، ناۋادا ئىش ئەپلەشمىسە، ئاندىن ئەبۇ سۇفياننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشماقچى ئىدى. نەتىجىدە ئىكرەمە ئىبنى ئەبى جەھىل، سەپۋان ئىبنى ئومەييە ۋە سوھەيل ئىبنى ئەمرىنىڭ باشچىلىقىدا قۇرەيش ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن بولۇپ بىر ئوچۇم ئەقىلسىز يالاڭتۆشلەر ۋە ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان تەلۋىلەر خەندەمە دېگەن جايغا توپلىنىپ مۇسۇلمانلارنى توسۇش ئۈچۈن تەييارلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرەيشلەرنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان بەنى بەكرى قەبىلىسىدىن ھىماس ئىبنى قەيىس ئىسىملىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇ شۇ ئەسنادا جىددى ئۆيگە قايتىپ قورال-ياراق جابدۇقىغا كىرىشكەنىدى، بۇنى كۆرگەن ئايالى ئۇنىڭغا: ‹‹بۇنى نېمىگە تەييارلايسەن؟›› دېگەنىدى، ئۇ: ‹‹مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە››، دېدى. ئايالى: ‹‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇقۇشۇمچە مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ھېچنەرسە تەڭ كىلەلمەسمىشقۇ؟›› دېۋىدى، ئۇ: ‹‹ئى خوتۇن! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن تېخى ئۇلاردىن بىر قانچىنى ساڭا خىزمەتكار قىلىپ بېرەي دەۋاتىمەن››، دېدى. ئاندىن مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇدى:
ئەگەر كەلسە بۈگۈن كەلسۇن يوقدۇر مەندە باھانە،
قوراللىرىم تەل مېنىڭ كۆرمىگەندۇر زامانە.
ئىككى بىسلىق شەمشىرىم مەشۇقۇمدۇر جانانە.
ئاندىن كېلىپ خەندەمەدىكى ساياقلارغا قېتىلدى.
ئىسلام قۇشۇنى زىتىۋەندە
ئەمما رەسۇلۇللاھ تەرەپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ ‹‹زىتىۋەن›› دېگەن جايغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە توختاپ قوشۇننى قىسىملارغا بۆلدى. رەسۇلۇللاھ مۇشۇ يەرگە كەلگەنگە قەدەر ئاللاھنىڭ ئۇنى مەككە پەتھىسى بىلەن تارتۇقلىغىنىغا تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئېڭىشىپ ماڭغانىدى، ئۇنىڭ مۇبارەك ساقال-مويلىرى ئات ئىگىرىنىڭ ئالدى پاينىكىگە تېگىپ قالغانىدى. ئۇ خالىد ئىبنى ۋەلىدنى ئوڭ قانات قىسىمغا ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى. بۇ قىسىمغا بەنى ئەسلەم، بەنى سۇلەيىم، بەنى غىفار، مۇزەينە، جۇھەينە ۋە بىرقانچە ئەرەب قەبىلىلىرىنى ئايرىدى ۋە ئۇنى مەككىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن كىرىشكە بۇيرۇق بېرىپ: ‹‹سىلەر مەن بىلەن سەپا تېغىدا ئۇچراشقانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى قىرىپ تاشلاڭلار ››، دېدى. ئاندىن ئارمىينىڭ سول قانات قىسمىنى تەشكىل قىلىپ زوبەير ئىبنى ئەۋۋامنى ‹‹ئەمىر لەشكەر›› قىلىپ تەيىنلىدى ۋە ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ ئۆزىنىڭ ئەلىمىنى تۇتقۇزدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى مەككىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن (يەنى كودەي)دىن كىرىشكە ۋە مەزكۇر ئەلەمنى ھەجۇن تۆپىلىكىگە قاداپ، رەسۇلۇللاھ يېتىپ بارغانغا قەدەر ھەجوندىن ئايرىلماي تۇرۇشقا بۇيرىدى. پىيادىلىكلەر بىلەن مۇھاسىرچى قىسىم (يەنى قورال-ياراقسىزلار)غا ئەبۇ ئۇبەيدە ‹‹ئەمىر لەشكەر ›› قىلىندى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى بەتنى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يول ئېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا ئۇدۇل مەككىگە كىرىشكە بۇيرىدى.
ئىسلام قۇشۇنى مەككىگە كىردى
ئىسلام ئارمىيىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىم ۋە قوشۇنلىرى بەلگىلەنگەن لىنىيە بويىچە يول ئالدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىغىدىكى قوشۇن ئالدىغا ئۇچرىغانلا مۇشرىكنى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا غەرق قىلىۋېتىپ، نىشانغا قاراپ ئىلگىرلىدى. ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن پەقەت كورزى ئىبنى جابىرىلفىھرى بىلەن خونەيىس ئىبنى خالىد ئىبنى رەبىيئە بەخىتسىزلىككە يولۇقتى. سەۋەبى بۇلار قوشۇندىن ئايرىلىپ قېلىپ باشقا بىر يولغا كىرىپ قالغانلىقتىن مۇشرىكلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى.
ئەمما، ھېلىقى مۇشرىكلار تەرەپتىن توپلانغان نادان كىشىلەر ‹‹خەندەمە››دە خالىد ئىبنى ۋەلىد ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىنى توسۇپ تىركەشتى. خالىد ئىبنى ۋەلىد قوشۇنى ئۇلارنى تېزلا سۈرگۈن-توقاي قىلىپ 12 ئادەمنى ئۆلتۈردى. نەتىجىدە، مۇشرىكلار ۋە (ھېلىقى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشقا ئالايىتەن تەييارلىق قىلغان) ھىماس ئىبنى قەيىس قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تىكىۋەتتى. ئۇ ھالسىرىغان پېتى ئۆيگە كىرىپ كېلىپ ئايالىغا: ‹‹ئىشىكنى تاقا! ئىشىكنى تاقا!›› دەپ ۋارقىرىغانىدى. ئايالى ئۇنىڭغا تېخى باياملا: ‹‹نېمە دەۋاتاتتىڭ؟›› دېگەندە، ئۇ مۇنداق دېدى:
ئەگەر كۆرسەڭچۇ؟ نە بولدى خەندەمە؟
قاچتى سەپۋانمۇ، قاچتى ئىكرەمە.
بېشىمىزدا ئوينىدى مۇسۇلمان قىلىچلىرى،
كەسكەندۇر بىلەكنى باشىنى كەسمەس دېمە،
قىلىچ يېگەن لام-جىم دېمەي چىشلەر توپا.
ئارقىدىن قوغلار دېسەم ھەيران بولۇپ سورىما «نېمە؟»
ئېغىز ئاچما مالامەتكە ماڭا قىلما بىر كەلىمە.
خالىد مەككە كوچىلىرىدا غالىب ھالدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى رەسۇلۇللاھ بىلەن سەپا تېغىدا ئۇچراشتى. زۇبەير ئبنى ئەۋۋام نىشانغا تېزلا ئىلگىرلەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلىمىنى فەتھى دەرۋازىسى يېنىدىكى ھەجونغا قاداش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى ۋە رەسۇلۇللاھقا شۇ يەردە بىر چىدىر تىكىپ ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى.
رەسۇلۇللاھ مەسجىدىلھەرەمگە كىرىپ بەيتۇللاھنى بۇت-ھەيكەللەردىن تازىلىدى
رەسۇلۇللاھ زۇبەير قىسمى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بەيتۇللاھقا قاراپ ماڭدى. مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنى ئوراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۇدۇل بېرىپ ھەرەمگە (يەنى مەسجىدىلھەرەم)گە كىردى ۋە ھەجەرۇلئەسۋەدنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى بۇسە قىلدى. ئاندىن كەئىبىنى تاۋاپ قىلدى. بۇ چاغدا كەئبە ئەتراپىدا 360 دانە بۇت تىكلەگلىك ئىدى. رەسۇلۇللاھ قولىدا بىر تال ياچاق ئوقنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇ ھېلىقى ئوق بىلەن بۇتلارنى ئۇرۇپ پاچاقلاپ تاشلاشقا باشلىدى. ئۇ: ﴿وَقُلْ جَاء الْچَقُّ وَزَھَقَ الْبَاطِلُ إِنَّ الْبَاطِلَ كَانَ زَھُوقًا﴾ « ‹ھەقىقەت (يەنى ئىسلام) كەلدى، باتىل (بىرەر مەخلۇقنى) پەيدا قىلالمايدۇ ۋە (يوقالغان بىرەر مەخلۇقنى)ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ›، دېگىن». («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەنى ئىسرائىل 81- ئايەت) نى ئوقۇپ ماڭاتتى. بۇتلار دومىلاپ يىقىلىپ چۈشۈۋاتاتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ تاۋاپى ئۇلاغ ئۈستىدە بولدى. ئۇشۇ كۈنى مۇھرىم (ئىھرام باغلاغلىق) ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ كەئىبىنى تاۋاپ قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەندى.
تاۋاپتىن كېيىن ئوسمان ئىبنى تەلھەنى چاقىرتىپ ئۇنىڭدىن كەئىبنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ كەئىبنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى. رەسۇلۇللاھ كەئىبنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن رەسىم ۋە سۈرەتلەرنى كۆردى. رەسىملەر ئىچىدە ئىبراھىم (ئەلەيـھىسسالام) ۋە ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالاملار)نىڭ قوللىرىدا پال ئوقلىرىنى تۇتۇپ پال سېلىۋاتقان ھالەتتىكى خىيالى سىزما رەسىملىرى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ: ‹‹مۇشرىكلارغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن! ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئۇلار ھەرگىز پال سالغان ئەمەس››، دېدى ۋە كەئىبنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدا ياغاچتىن ئويۇلغان كەپتەرنىڭ ھەيكىلىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۆز قولى بىلەن سۇندۇرۇۋەتتى. ئاندىن ھېلىقى رەسىم ۋە سۈرەتلەرنى بۇيرۇپ ئۆچۈرتۈۋەتتى.
رەسۇلۇللاھ كەئبە ئىچىدە ناماز ئوقۇپ چىقىپ قۇرەيش خەلقىگە نۇتۇق سۆزلىدى
كەئبە ئىچىدىكى سۈرەتلەر ئۆچۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن كەئبنىڭ دەرۋازىسى تاقىۋېتىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ ۋە ئۇسامە ئىبنى زەيدلا قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ كەئبە ئىچىدە ئوڭ تەرەپتىن بىر، سول تەرەپتىن ئىككى، كەينىدىن ئۈچ تۈۋرۈكنى تاشلاپ (شۇ ۋاقىتتا كەئبە ئالتە تۈۋرۈكلۈك ئىدى) دەرۋازا ئورنىتىلغان تامنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىكى (ئارقا) تامغا ئالدىنى قىلىپ تام بىلەن ئۆزى ئارىلىقىدا ئۈچ گەز (تەخمىنەن ئىككى مېتىردىن ئازراق كۆپ) يەر قالدۇرۇپ ناماز ئوقۇدى. نامازدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن كەئىبنىڭ ھەممە بۇلۇڭىنى ئايلىنىپ چىقتى. ئۇ ھەر بىر بۇلۇڭىدا تەگبىر ئېيتىپ ﴿لا چول ولا قوە الا باللھ الىلي الىئيم﴾ تەرجىمىسى: «يامانلىقتىن ساقلىنىش ۋە ياخشىلىققا مۇۋەپپەق بولۇش پەقەت ئولۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مۇمكىندۇر››، دەپ ماڭاتتى. ئاندىن دەرۋازىنى ئاچتى. بۇ چاغداقۇرەيشلەر سەپ-سەپ بولۇپ تۇرغان بۇلۇپ،مەسجىد توشۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار پەستە رەسۇلۇللاھنىڭ نېمە قىلارىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى. رەسۇلۇللاھ دەرۋازىنى ئېچىپ ئىككى قولىدا دەرۋازىنىڭ ئىككى قاسىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹يەككە-يېگانە بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئۆز بەندىسىگە ياردەم بەردى. كۆپ قوشۇننى ئۆزى يالغۇز مەغلۇپ قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى ھەرقانداق ئىمتىياز، ئالۋان-سېلىق ۋە ياكى كونا قىساس قانلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈندىن ئېتىبارەن قەتئىي بىكار قىلىنىدۇ. پەقەت بەيتۇللاھغا قاراش ھوقۇقى ۋە ھاجىلارنى سۇغۇرۇش ئىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. بىلىشىڭلار كېرەككى، سەھۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش قەستەن (تاياق ۋە قامچا قاتارلىقلار شۇنىڭ ئىچىدە) ئۆلتۈرگەن بىلەن باراۋەر. ئۇنىڭدا دىيەت (تۆلەم) ئېغىرلىتىپ يۈز تۆگە تۆلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى قىرىق تۆگە بوغاز بولۇشى شەرت. ئى قۇرەيش جامامەسى! ئاللاھ سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ مۇغەمبەرلىكىنى ۋە ئەجدادلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئىللەتلەنى كەتكۈزدى. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئاتىنىڭ بالىلىرى، ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارالغان». ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى تالاۋەت قىلدى: ﴿ يَا ۆَيُّھَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّن ۇَكَرٍ وَۆُنڭَۈ وَجَىَلْنَاكُمْ شُىُوبًا وَقَبَاېِلَ لِتَىَارَفُوا إِنَّ ۆَكْرَمَكُمْ ىِندَ اللَّھِ ۆَتْقَاكُمْ إِنَّ اللَّھَ ىَلِيمٌ خَبِيرٌ﴾ ‹‹ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق. ئۆزئارا تونۇشۇشىڭلار ئۈچۈن نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەپ بىلەن ئەمەس، تەقۋىدارلىق بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر ››.
سىلەر بۈگۈن ئەيىپلەشكە ئۇچرىمايسىلەر
ئۇ يەنە: ‹‹ئى قۇرەيش جامائەسى!›› سىلەر مېنى ئۆزەڭلارغا قارىتا نېمە قىلىدۇ››، دەپ قارايسىلەر؟ دېگەنىدى، ئۇلار: ‹‹ياخشىلىق قىلار››، دەپ ئويلايمىز، چۈنكى سەن ياخشى قېرىندىشىمىز، ياخشى قېرىندىشىمىزنىڭ ئوغلى››، دېيىشتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: ‹‹مەن سىلەرگە يۈسۈف (ئەلەيـھىسسالام) قېرىنداشلىرىغا نېمە دېگەن بولسا شۇنداق دەيمەن. ئۇ قېرىنداشلىرىغا: ﴿ قَالَ لاَ تَڭْرَيبَ ىَلَيْكُمُ الْيَوْمَ ﴾ ‹سىلەر بۈگۈن ئەيىپلەشكە ئۇچرىمايسىلەر›، («قۇرئان كەرىم» سۈرە يۈسۈف 92- ئايەت) دېگەن، مەنمۇ مۇشۇنداق دەيمەن، بېرىڭلار ھەممىڭلار ئەركىن-ئازات»، دېدى.
بەيتۇللانىڭ ئاچقۇچى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى
رەسۇلۇللاھ يۇقىرىقى بايانانلارنى سۆزلىگەندىن كېيىن مەسجىدگە كىرىپ ئولتۇردى. بەيتۇللاھ (كەئبە)نىڭ ئاچقۇچى تېخىچە ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. ئەلى ئورنىدىن تۇرۇپ: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! بىزگە (يەنى بەنى ھاشىم جەمەتىگە دېمەكچى. — ت) ھىجابەت (كەئىبكە يوپۇق يېپىش ۋە ئۇنىڭغا قاراش)نى سىقايەت (ھاجىلارنى سۇغۇرۇش ۋە ھەج داۋامىدىكى ئىشلىرىغا يارسازلىق قىلىش) بىلەن جەملەپ بەرگىن، ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلغاي››، دېدى. يەنە بىر سۆزدە ‹‹بۇ گەپنى دېگۈچى ئابباس ئىدى››، دېيىلگەن. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئوسمان ئىبنى تەلھە نەدە؟ ›› دەپ سورىدى. ئوسمان چاقىرىپ كېلىنىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ‹‹مەھ! ئاچقۇچنى قولۇڭغا ئال، ئى ئوسمان! بۈگۈن ياخشىلىق ۋە ۋاپادارلىق كۈنىدۇر››، دېدى. ‹‹تەبەقات›› دېگەن كىتابتا ئىبنى سەئەدنىڭ رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئاچقۇچنى قايتۇرۇپ بەرگەندە مۇنداق دېگەن: ‹‹ئى ئوسمان بۇ ئاچقۇچنى مەڭگۈ سىلەر تۇتۇڭلار، بۇنى سىلەردىن زالىمدىن ئۆزگە كىشى تارتىپ ئالمايدۇ. ئى ئوسمان! ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ بەيتىگە قاراشقا ئەمىن (ئىشەنچىلىك) تاپتى. شۇڭا سىلەرگە بۇ ‹بەيت› تەرىپىدىن كەلگەن نەرسىدىن يوللۇق بەھرىمەن بولۇڭلار››.
بىلالنىڭ ئەزان ئاۋازى كەئبە ئۈستىدە ياڭرىدى
ناماز ۋاقتى كىرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ بىلالنى كەئبە ئۈستىگە چىقىپ ئەزان توۋلاشقا بۇيرۇدى. بۇ چاغدا ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب، ئەتتاپ ئىبنى ئەسىد ۋە ھارىس ئىبنى ھىشام قاتارلىقلار مەسجىدىلىھەرەم سەيناسىدا باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشىپ ئولتۇرىشاتتى. ئەتتاپ يېنىدىكىلەرگە پىچىرلاپ: ‹‹ئاللاھ ئەسدنى دەرگاھىغا ئېلىپ كېتىپ ئۇنى ھۆرمەتلەپتىكەن، ئۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلىسا كۆپ بىئارام بولار ئىدى››، دېدى. ھارىس پىچىرلاپ: ‹‹ئەمما، مەن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بۇ دىننىڭ ھەق (توغرا) دىن ئىكەنلىكىنى بىلسەم ئىدىم، ئەلۋەتتە ئەگەشكەن بولاتتىم››، دېدى. ئەمما ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب قورۇنغان ھالدا: ‹‹ئەمما مەن بۇ توغرىدا بىر نېمە دېمەيمەن، ئەگەر دەپ قويساملا مۇشۇ تاش-شېغىللارمۇ ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىپ قويىدىكەن››، دېدى. شۇ ئەسنادا رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ: ‹‹مەن سىلەرنىڭ بايام دېگەنلىرىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم ››، دېدى ۋە ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بىرىۋىدى، ئەتتاپ بىلەن ھارىس: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! بىز سېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بىرىمىز، بۇ گەپلەرنى بىز ئۈچ كىشىدىن باشقا ھېچ كىشى ئاڭلىمىغانىدى، بولمىسا بىز: ‹بىرسى ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويۇپتۇ، دەر ئىدۇق› ›› دېيىشتى.
غەلىبە ساناسى )ياكى تەشەككۈر نامىزى(
رەسۇلۇللاھ شۇ كۈنى مەسجىدتىن چىقىپ ئۇممۇ ھانىئى (ئەبۇ تالىبنىڭ قىزى) نىڭ ئۆيىگە كىرىپ غۇسلى تاھارەت ئالدى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە سەككىز رەكئەت ناماز ئوقىدى. ئۇ چاشگاھ ۋاقتى ئىدى. شۇڭا ئۇ نامازنى بەزىلەر چاشگاھ نامىزى دەپ ئويلىدى، يەنە بەزىلەر ئۇ غەلىبە ساناسى (تەشەككۈر نامىزى) ئىدى دەپ قارىدى، ئۇممى ھانىئى ئېرىنىڭ تۇققانلىرىدىن ئىككى كىشىگە پاناھلىق بەرگەنىكەن. رەسۇلۇللاھ: «سەن پاناھلىق بەرگەن كىشىگە بىزمۇ پاناھلىق بېرىمىز ئى ئۇممۇ ھانئىە!›› دېدى. ئۇممى ھانىئىنىڭ قېرىندىشى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ ئۇ ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغانىكەن. شۇڭا ئۇ بۇلارنى ئۆيگەسولاپ ئىشىكلىرىنى تاقاپ ساقلىغان ۋە رەسۇلۇللاھتىن ئۇلارغا ئامانلىق تىلىگەنىدى.
جىنايەتچىلەرنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرقانچە ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش
رەسۇلۇللاھ شۇ كۈنى پەرمان چىقىرىپ جىنايەتچىلەرنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن توققۇز كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلدى ۋە ئۇلارنى تاپقان يەردە ئۆلتۈرۈشنى، گەرچە كەئىبنىڭ يوپۇقى بىلەن پاناھلىنىۋالسىمۇ رەھىم قىلماسلىقنى بۇيرىدى. ئۇلار ئابدۇلئۇززا ئىبنى خەتەل، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى سەرھى، ئىكرەمە ئىبنى ئەبى جەھل، ھارىس ئىبنى نۇپەيل ئىبنى ۋەھەب، مەقىيىس ئىبنى سەبابە، ھۇبار ئىبنى ئەسۋەد ۋە ئىبنى خەتەلنىڭ ناخشىچى ئىككى دېدىكى قاتارلىقلار ئىدى. بۇ ئىككى دېدەك مەككە كوچىلىرىدا رەسۇلۇللاھنى ھەجۋى قىلىپ سەييارە ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينايتتى. يەنە ئابدۇلمۇتەللىپ جەمەتىدىن بىر كىشىنىڭ سارە ئىسىملىك بىر دېدىكىمۇ ئىدى. ئۇ مۇشۇ قېتىمقى يۈرۈشنىڭ ئالدىدا ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە يوللىغان خەتنى مەككىگە يۇشۇرۇن ئېلىپ قاچماقچى بولغان.
ئەمما ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى سەرھنى ئوسمان ئىبنى ئەففان رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىپ تۇرۇۋالغانىدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەردىن بىرى كېلىپ ئۇنىڭ بېشىنى ئېلىۋېتەر دېگەن ئۈمىدتە ئوسماننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي يۈزىنى باشقا ياققا نەچچە قېتىم بۇرىۋالغاندىن كېيىن نائىلاج ئۇنىڭ ئىسلامىنى قوبۇل قىلىپ قېنىنى تۆكۈش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى. ئۇ خېلى بۇرۇنلا مۇسۇلمان بولۇپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان، ئاندىن يەنە «سۇغۇق سۇ ئۆز ئەكسىنى تارتىپتۇ» دېگەندەك مۇرتەد بولۇپ مەككىگە قېچىپ كېلىۋالغان ئىدى.
ئىكرەمە ئىبنى ئەبى جەھىل بولسا يەمەن تەرەپكە قاچتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايالى رەسۇلۇللاھتىن ئامانلىق سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئامانلىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئېرىنىڭ كەينىدىن ئىزلەپ چىقىپ ئۇنى جىددىدىن كېمىگە چىققىلى قوپقان يېرىدىن ياندۇرۇپ ئەكىردى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئىسلامغا كىرىپ ناھايىتى تەقۋادار، ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ كەتتى.
