تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

1-قىسىم: ئومۇمىي نەزەر ۋە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق

تۆت چوڭ خەلىپە دەۋرىگە ئومۇمىي نەزەر

بۆلۈم: “تۆت چوڭ خەلىپە دەۋرىگە ئومۇمىي نەزەر”

ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخى بولۇپ، مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ھەرقانداق بىر شەكىلدە ئۇ تارىخنى يېزىپ چىقىدۇ. تارىخنى يازغان ۋاقىتتا، ئەگەر بەزى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسا، كىتابخانلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تارىخ يېزىلغان دەۋرنىڭ شەرت ـ شارائىتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئىزاھلاپ قويۇش ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىلىرىنى توغرا ۋە دۇرۇست تاماملىغانلىقىغا ئۆز كۆڭۈللىرىدە قانائەت ھاسىل قىلىدۇ ۋە خەلقنىڭ نەزەرىدە راستچىل تارىخچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل بىر مىللەتنىڭ نەسەبىدىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىپ، ئۆتمۈشىدىن ۋە ئەجدادلىرىدىن پەخىرلىنىدۇ، خاتالىقلاردىن دەرس ۋە ئىبرەت ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭمۇ شۇ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويۇشىدىن ھەزەر ئەيلەيدۇ ۋە مىللىتىنىڭ ساپ، ساغلام داۋاملىشىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا، كېلەچەك نەسىللەر ئۆز مىللىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى ناھايىتى دەبدەبىلىك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق تارىخ ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلغان مىراس سۈپىتىدە داۋاملىشىدۇ.

ئىسلام ئۈممىتىگە كەلسەك (شۇنىسى ئېچىنارلىقكى)، بۇ ئۈممەتنىڭ تارىخى كېيىنچە ئوتتۇرىغا چىققان، كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان ھەرخىل گۇرۇھ ۋە مەزھەبلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدە بەكمۇ بۇرمىلىۋېتىلدى. چۈنكى بۇ جامائەتلەر ھەر دائىم بىر ـ بىرىنى قارىلاپ، باشقىنى ئەيىبلەپ، ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە، ئۆز مۇرتلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى، ئۆزلىرىنىڭ توغرا يولدا، باشقىلارنىڭ بىدئەتتە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى.

ئەنە شۇ سەۋەبتىن، بۇ ئۈممەت ئۇلۇغلىرىنىڭ تارىخىدا ناھايىتى چوڭ يوچۇق پەيدا بولدى. كېيىنچە ئارىلىرىدىكى ئايرىمىچىلىق سەۋەبلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن قوراللىق توقۇنۇشلاردا ناھايىتى ئېغىر جىنايەتلەر يۈز بەردى. بۇ توقۇنۇشلار شۇ دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتتىكى، ئىسلام تارىخى بۇ توقۇنۇشلاردا مەيدانغا كەلگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ تارىخىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كېيىنكى تارىخ كىتابلىرىدا بۇ ۋەقەلەر ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە مۇبالىغە قىلىنغان ھالدا قەيت قىلىنغاچقا، بۇ دەۋرلەرنىڭ شانلىق تارىخلىرى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىلدى. ھالبۇكى، تارىخ شۇ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان شەرت ۋە ئامىللار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا يېزىلىشى كېرەك ئىدى.

ئەڭ غەلىتە يېرى شۇكى، ھەزرىتى ئەلىنى ھەددىدىن زىيادە ئۇلۇغلايدىغان كىشىلەر قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ۋەقە ۋە خەۋەرلەرنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ، ئۇنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇلاردىن بەزىلىرى ئەلىگە بولغان ھەددىدىن ئارتۇق سۆيگۈسى سەۋەبىدىن، پەقەت ھەزرىتى ئەلىنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەلى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغۇچى ئۆكتەملەر دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى. ھەتتا بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھەزرىتى ئەلىنىڭ نەۋرىلىرىنى “قۇرئان ھۆكمى بىلەن ئىماملىققا تەيىنلەنگەن كىشىلەر” دەپ ئېلان قىلىشتى.

ئۇلارنى پەيغەمبەرلەرگە خاس سۈپەتلەر بىلەن ئۇلۇغلاپ، پەيغەمبەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدى. بۇ خىل مۇبالىغىلەر ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يوق ئىدى. ھىجىرىيە 3 ـ ئەسرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە بۇ ئېقىملار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مەسىلەن، تۇنجى فىقىھ ئالىملىرى (ئىمام ئەبۇھەنىفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئى ۋە ئىمام ھەنبەل قاتارلىقلار) نىڭ ئەسەرلىرىدىن بۇ خىل مۇبالىغىلەر پەقەتلا تېپىلمايدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش، ’“ئەھلى بەيت” چوڭلىرى بىلەن خەلىپىلەر ۋە تۇنجى مۇسۇلمان رەھبەرلەر ئارىسىدا بىر ـ بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىشقانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل ـ ئىسپات تېپىلمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى ’‘شىئە’’ كەلىمىسىنىڭ ئۇ دەۋردە “تەرەپدار بولۇش، قوللاش” دېگەندىن باشقا ھېچقانداق سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيىلىك مەنىسى يوق ئىدى. كېيىنچە، بارا ـ بارا ئۆزىگە خاس پىكىر ۋە ئېتىقاد شەكلىنىڭ نامىغا ئايلاندى. بۇ پىكىرنى رەسمىيلەشتۈرۈش ۋە ئەتراپقا يېيىش ئۈچۈن ئۆتمۈش ھەققىدە تارقاتمىغان سەپسەتىسى قالمىدى. ئۇلار ئۆتمۈشتىن شۇنداق بولمىغۇر پىكىر ۋە خەۋەرلەرنى تارقاتتىكى، ئەسلىدە بۇ كىشىلەر بۇنداق نەرسىلەرنى بىلمەيتتى ھەم خىياللىرىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايتتى.

ۋاقىت ئۆتكەنسېرىۆ ھەزرىتى ئەلى تەرەپدارلىرىغا شارائىت تولۇق يارىتىلغاچقا ئۆزلىرىگە دۈشمەن دەپ بىلگەن كىشىلەرنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈش ۋە ئۆز پىكىرلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى خالىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى تارىخ بېتىگە يېزىۋەردى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا گۇرۇھۋازلىق قىلىش ئەدەپ كېتىپ، ئارىدا سۈركىلىش پەيدا بولدى ۋە پۇرسەتپەرەسلەر ئارىدىن نەپ ئۈندۈرۈش ئۈچۈن توختىماي قاتراشقا باشلىدى. بۇنىڭ نەتىجسىدە، باتىنىيلىق ئېقىمى پەيدا بولۇپ، مۇتەئەسسىپ ئوي ـ پىكىر ۋە باتىل ئېتىقادلار كۆپىيىپ كەتتى.

ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى تارىخنى يېزىپ قالدۇرۇش ئىشلىرى باشلانمىغانىدى. بۇ ئىش ئابباسىيلار خەلىپىسىگە كەلگەندە ئاندىن باشلاندى. ئەمما ئابباسىيلارنىڭ تارىخ يېزىشتىكى بىردىنبىر مەقسىتى ئۈمەۋىيلەرنى يوققا چىقىرىپ، ئۇلارنى تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش ئىدى. ئابباسىيلار ئۆز خەلىپىلىكىنى رەسمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەل قىلىشى كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە مانا بۇ ئىدى. بۇ ئىش ئۈمەۋىيلەر خەلىپىلىكىنى پۈتۈنلەي قارىلاشقا، ھەتتا ئۈمەۋىيلەرنىڭ پەقەت ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆچىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن خەلىپىلىك تەختىگە چىققانلىقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قان دەۋاسى ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىغا قەدەر بېرىپ تاقالدى.

بۇ ئىشلار يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەلى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان نۇرغۇن ئىشلار ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىدا يالغان ھەدىسلەر ئويدۇرۇلۇپ، بۇ ئاتالمىش ھەدىسلەرگە بىنائەن ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىككە سايلىنىشى كېرەكلىكى، ئۇندىن بۇرۇن تەختكە چىققان خەلىپىلەرنىڭ مۇتتەھەم ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەلىنىڭ ھەققىنى تارتىۋالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ خەلىپىلەرنىڭ ھەزرىتى ئەلىدىن تېخىمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكى ئىنكار قىلىندى ۋە بىرمۇنچىلىغان كىتابلار يېزىلىپ، ئۈستۈنلۈكنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى جاكارلاندى. ھالبۇكى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىدى. ھەيھات!… ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ سەۋىيەسىدىكى ساھابىلار بۇ ئويدۇرۇلغان سۆزلەر بىلەن بىرىنىڭ ئۈستىدىن سۆز ـ چۆچەك تارقاتمىغان ياكى بىر كىمگە ھۇجۇم قىلمىغانىدى.

تارىخ، خەلق ئارىسىدا مانا مۇشۇنداق ھەر خىل سۆز ـ چۆچەك ۋە رىۋايەتلەر كەڭ تارقالغاندىن كېيىن يېزىلىشقا باشلىدى. تارىخچىلار خەلقتىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، قىلچە ئۆزگەرتمەي، ئۆز پېتى يازغان ۋە ئەجدادلىرىنىڭ تارىخلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى توپلىغان بارلىق رىۋايەتلەرنى (توغرا ياكى خاتالىقىغا قارىمايلا) قەيت قىلغاچقا، ھەرخىل رىۋايەتلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا قارىمۇ قارشىلىق كېلىپ چىقتى.

نەتىجىدە، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن ھەرخىل مەزھەب ـ گۇرۇھلار ئۆزىگە تەۋە تارىخچىلار بەرگەن مەلۇماتتىن باشقىسىغا پەرۋا قىلمايدىغان ۋە باشقىلارنى ئويدۇرمىكەش دەپ ئەيىبلەيدىغان ھالەت شەكىللەندى.

بىزنىڭ نۇقتىئىنەزىرىمىز بويىچە، (ئوبيېكتىپ دەلىل ـ ئىسپات كەلتۈرۈش ئۈچۈن) بۇ تېمىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغان بىر مەسىلە شۇكى، بىز ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئېلىپ كەلگەن قولايلىق ۋە زامانىمىز ئىنسانلىرىنىڭ ئەمەل ـ مەنسەپكە بولغان ھېرىسمەنلىكى بىلەن بىر ـ بىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان توختاۋسىز مۇجادىلە ۋە ھۇجۇملارنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، ئەينى چاغدىكى ئىختىلاپلارنى كۆزىتىۋاتىمىز؛ شۇنداقلا، (زېھنىمىزگە ئورناپ كەتكەن) ئەينى ۋاقىتتا بىر ـ بىرىگە قارشى ئېقىملار ئارىسىدا يۈز بەرگەن دۈشمەنلىكلەردىن يولغا چىقىپ، ئۇ دەۋرنىڭ شەرت ـ شارائىتلىرى بىلەن ھېسابلاشماي ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي تۇرۇپلا باھا بېرىۋاتىمىز.

شۇ ھەقىقەتنى ئۇنۇتماسلىق لازىمكى، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە شام بىلەن مەدىنە ئارىسىدىكى مۇساپە (بېرىپ ـ كېلىش) ئىككى ئايلىق يول ئىدى. بىر ئەلچى بۇ مۇساپىنى بىر قېتىم بېسىپ كەلگىچە يېڭى ـ يېڭى ۋەقەلەر مەيدانغا كېلىپ، يېڭى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرغاچقا، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئورنىتىش ئۈچۈن كونا ۋەقە ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، يېڭى مەسىلىلەر بىلەن ھەپىلىشىشكە توغرا كېلەتتى. بۇ ۋەقەلەر كىشىدىن كىشىگە، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش داۋامىدا، ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئىشەنچلىك بىر خەۋەرچىنىڭ سۆزلىرىدىن تامامەن پەرقلىق بولۇپ چىقاتتى. شۇڭا بەزىدە يېتىپ كەلگەن خەۋەرلەرگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەي، ئىش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتەتتى، كىشىلەر خەۋەرلەرنىڭ قايسى بىرىگە ئىشىنىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالاتتى… بىز بۈگۈن ئۇ دەۋر ھەققىدە سۆزلىگىنىمىزدە، كاللىمىزغا تېلېفون، سىمسىز ئاپپارات، رادىئو، ئايروپىلان ۋە سۈنئىي ھەمراھقا ئوخشاش خەۋەرلەرنى بىر مىنۇت، ھەتتا بىر قانچە سېكۇنت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىنى كەلتۈرۈۋېلىپ، ئۇ زاماننىڭ شارائىتلىرىنى ئويلاشمايلا گەپ باشلايمىز.

ئەمەلىيەتتە، خەلىپىلەر ئىنسانلار ئارىسىدا ئەمەل ـ مەنسەپ ھېرىسمەنلىكىدىن ئەڭ يىراق كىشىلەر بولۇپ، ھەتتا باشقىلارغا بولغان ھۆرمىتى يۈزىسىدىن بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشتىنمۇ ئۆزلىرىنى چەتكە تارتاتتى. بەزىدە ساھابىلىرىدىن بىرىدىن بىرەر مەسىلە سورالسا، ئۇ ساھابە بۇ مەسىلىنى باشقا بىر ساھابىگە، ئۇ ساھابىمۇ يەنە بىرىگە ھاۋالە قىلاتتى. بۇ ئەھۋال مۇشۇ پېتى ئايلىنىپ ئاخىرى يەنە باشتىكى شەخسكە بېرىپ توختايتتى. بىر مەسىلە ھەققىدە مەسلىھەت سورالغان ھەر بىر زات (مەنمەنچىلىكتىن، پەقەت ئۆز ھۆكمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ قېلىپ، ئۆزىگە مەنىۋىيي بىر مەسئۇلىيەتنىڭ يۈكلىنىپ قېلىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن) پەتىۋا بەرمەسلىككە ۋە ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلماسلىققا تىرىشاتتى.

مەسىلەن، سەقىفە كۈنى (ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپىلىككە سايلانغان كۈنى) گە بىر قاراپ باقايلى!

ئۇ كۈنى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە قاتارلىقلار بىر ـ بىرىنى نامزات كۆرسىتىش، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىدىن باشقا تەرەپكە بۇراش، ئۆزىنى بۇ مەسئۇلىيەتتىن ئېلىپ قېچىشقا تىرىشقانىدى.

ھەزرىتى ئەلى بۇ ھەقتە تولىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “بىر تال ئۇرۇقتىن يېشىللىق پەيدا قىلغان ۋە شامالنى ياراتقان اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بۇ ۋەقەگە شاھىد بولمىغان بولسام ۋە قولۇمدا ھەق تەرەپتە تۇرۇش ھەققىدە دەلىل بولمىغان بولسا، اﷲ تائالامۇ ئىلىم ئىگىلىرىدىن زالىمنىڭ زۇلۇم قىلىشى ۋە مەزلۇمنىڭ ئېزىلىشى ئالدىدا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىغا دائىر ۋەدە ئېلىۋالمىغان بولسا ئىدى، بۇ ئىشقا قەتئىي پەرۋا قىلمايتتىم (دۇنيا خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى. سىلەر ئەڭ قىممەتلىك دەپ قارىغان خەلىپىلىك ماقامىدىن ئاددىي پۇقرا بولۇشنى ئەۋزەل كۆرگەن بولاتتىم) ھەم شۇ دۇنيانىڭ (پۈتۈن مال ـ بايلىق، سەلتەنەت ۋە دەبدەبىسى بىلەن) مېنىڭ نەزىرىمدە بىر ئۆچكىنىڭ ئوسۇرۇقىچىلىك ئەتىۋارى يوقلۇقىنى كۆرگەن بولاتتىڭلار.”

بىز بۈگۈنكى زامانىمىزدا ئەمەل ۋە مەنسەپ ھېرىسمەنلىكى، باشلىق بولۇش سەۋداسى ۋە بۇ يولدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر، قورال كۈچى بىلەن ئالمىشىۋاتقان ھۆكۈمەتلەر، ئىختىلاب ۋە ئىنقىلابلاردىن زېھنىمىزگە ئورناپ كەتكەن دوگمىلىقلار بىلەن ئۇ دەۋرنى تەسەۋۋۇر قىلماقتىمىز ۋە باھا بەرمەكتىمىز. ھالبۇكى، بۇ ناھايىتى چوڭ خاتالىق.

ھەقىقەتتە، بارلىق ساھابىلار، بولۇپمۇ خەلىپىلەر بىر ـ بىرىنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيتتى، ئىززەت ـ ئىكرام قىلىشاتتى. ھېچكىم بىر ـ بىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دوستلىرى بولغان خەلىپىلەرنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمەيتتى.

بىز بۇ يەردە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ھەزرىتى ئوسمان ۋە ھەزرىتى ئەلى ياكى باشقا ساھابىلەرگە مەسلىھەت سالغانلىقىنى؛ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ھەزرىتى ئوسمان ۋە ھەزرىتى ئەلى بىلەن كېڭەشكەنلىكىنى؛ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مەدىنىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا، ئۆز ئورنىغا ھەزرىتى ئەلىنى نائىب قىلىپ قويغانلىقىنى؛ ھەزرىتى ئوسماننىڭ بىر مۇنچە ئىشلاردا ھەزرىتى ئەلىنىڭ پىكرىنى ئالغانلىقىنى بىر ـ بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز.

ھەتتا (اﷲ ساقلىسۇن!) بەزى نادان كىشىلەر: «خەلىپىلەر ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا ساھابىلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈشكە تىرىشاتتى» دەپ، بۇ ئىشنى يامان تەرەپكە تارتىشتىن يانمايدۇ. بىز بۇ يەردە خەلىپىلەرنىڭ ساھابىلارنىڭ بالىلىرىنى، بولۇپمۇ ئەھلى بەيت بالىلىرىنى نەقەدەر ئىززەتلەيدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئاز توختىلىپ ئۆتىمىز. ئاندىن بىر خەلىپىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى خەلىپىگە قايسى كۆز بىلەن قارايدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىمىز. ئاندىن كېيىن، مەيلى ئۈمەۋىي ياكى ئابباسىيلارنىڭ ئەھلى بەيت چوڭلىرىغا ۋە بارلىق ئەھلى بەيت ئەزالىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە بىر قۇر كۆز تاشلاپ چىقىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇ دەۋردە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ھەققىدە كاللىمىزغا ئورناپ كەتكەن كۆچۈرمە ئۆچمەنلىكنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈۋېلىشقا تىرىشىمىز.

بىر قېتىم، ھەزرىتى ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا كىيىم تارقىتىپ بەردى، ئەمما تارقىتىلغان كىيىملەر ئىچىدە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى ــ ھەسەن ۋە ھۈسەنگە دەل كەلگۈدەك كىيىم تېپىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئۆمەر يەمەنگە ئادەم ئەۋەتىپ بۇ ئىككىيلەنگە مەخسۇس كىيىم بۇيرۇتتى. كىيىم يېتىپ كېلىپ، ئۇ ئىككىسىگە كىيگۈزۈلگەندىن كېيىن: «ئۇھ! ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم» دېدى.

يەنە بىر قېتىم، ھەزرىتى ئۆمەر ھەزرىتى ھۈسەيننى بىر ئىش بىلەن ھۇزۇرىغا چاقىرىدۇ. ھۈسەين بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “خەلىپە ئۆمەرنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كېتىۋېتىپ، يولدا ئوغلى ئابدۇللا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم ۋە ئۇنىڭدىن:

ـ نەدىن كېلىۋاتىسەن؟ـ دەپ سورىدىم.

ئۇ:

ـ خەلىپە ئۆمەر بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ، ھۇزۇرىغا بارغانىدىم، لېكىن ئۇ مېنى قوبۇل قىلمىدى، ـ دېدى. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ: ئۇنداقتا مېنىمۇ قوبۇل قىلمىغۇدەك، ـ دەپ ئويلاپ ئارقامغا ياندىم. ئەمما دەل شۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ مەندىن:

ـ ئى ھۈسەين! مەن سېنى چاقىرتقانىدىم، سەن نېمىشقا كەلمىدىڭ؟ ـ دەپ سورىدى. مەن:

ـ ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! يولدا ئوغلۇڭ ئابدۇللا بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنى ھۇزۇرىڭغا ئالمىغانلىقىڭنى ئۇقتۇم. شۇڭا مەنمۇ ئارقامغا ياندىم، ـ دەپ جاۋاب بەردىم. بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەر:

ـ سەن مېنىڭ كۆزۈمدە ئابدۇللاغا ئوخشامسەن؟ ئابدۇللاغا ئوخشامسەن (سەن مېنىڭ كۆزۈمدە ئابدۇللادىنمۇ ئەتىۋارلىقسەن دېمەكچى)؟ ـ دەپ غودۇڭشىپ كەتتى.”

ھەدىسشۇناش تىرمىزى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھەققىدە: “ئۇ بىزنىڭ كاتتىمىز، ئەڭ خەيرلىكىمىز ۋە رەسۇلۇللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۆھتەرەم زاتتۇر” دېگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمامى ھەنبەلى نەقىل قىلغان بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: “ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەنەفىييە دەيدۇكى، مەن دادامدىن:

ـ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالسا، كىم ئەڭ خەيرلىك؟ ـ دەپ سورىدىم. دادام:

ـ ئەبۇبەكرى، ـ دەپ جاۋاب بەردى. مەن:

ـ ئاندىن قالسىچۇ؟ ـ دەپ سورىدىم. دادام:

ـ ئۆمەر، ـ دېدى. مەن ئۇنىڭ: ئوسمان! ـ دېيىشىدىن ئەندىشە قىلىپ تۇراتتىم. مەن يەنە:

ـ ئۇندىن قالسا سەن، شۇنداقمۇ دادا؟ ـ دېدىم. دادام ماڭا:

ـ ياق! مەن پەقەت مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەردىن بىرى، ـ دەپ قوپالراق تەگدى.”

يەنە بىر كۈنى، بىر كىشى ھەزرىتى ئەلىدىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرگە بولغان كۆز قارىشىنى سورىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇ كىشىگە: “مەن بۇ ھەقتە ئەڭ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە كىشىمەن. اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەر ئىككىلىسى ھىدايەت رەھبەرلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى توغرا يولغا مېڭىش بىلەن بىرگە، باشقىلارنىمۇ ھەردائىم بۇ يولدا مېڭىشقا ئۈندەيتتى. شۇنداقلا، ھەر ئىككىلىسى ۋايىغا يەتكەن مۇرشىد بولۇپ، ئىسلاھاتچى ۋە شەپقەتكار ئىدى. ھەر ئىككىسى دۇنيا لەززىتى، ھارام ۋە يامانلىقتىن ساقلىنىپ، پاكىز ۋۇجۇت ۋە ساپ ئەقىدە بىلەن بۇ دۇنيادىن ئايرىلدى. اﷲ ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرلەرنى تاكى قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئۆرنەك بولغۇدەك ھالغا كەلتۈردى. اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەخلاقى ـ پەزىلەتتە ھېچكىم ئۇ ئىككىسى يەتكەن مەرتىۋىگە يېتەلمەيدۇ. ئۇ ئىككىسى كېيىنكى ئەۋلادلار شەرتسىز ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك بولغان تەڭداشسىز رەھبەرلەردۇر” دېگەنىدى.

ھەزرىتى ئەلى كۇفە شەھىرىدە قازىلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، بىر كىشى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ كېلىدۇ ۋە: “ئى ئنسانلارنىڭ ئەڭ خەيرلىكى! مېنىڭ مۇنۇ مەسىلەمنى بىر ھەل قىلىپ بەرگەن بولساڭ. اﷲ قا قەسەم ئىچىمەنكى، سەندىنمۇ خەيرلىكرەك بىرىنى كۆرمىدىم” دەپ خىتاب قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەلى ئۇ كىشىنى يېقىنراق كېلىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىدىن:

ـ سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ ـ دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى:

ـ ياق! ـ دەيدۇ. ھەزرىتى ئەلى يەنە:

ـ ئۇنداقتا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنى كۆرگەنمىدىڭ؟ ـ دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى يەنە:

ـ ياق! كۆرمىگەنىدىم، ـ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەلى:

ـ ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەنلىكىڭنى ئېيتقان بولساڭ، كاللاڭنى كېسىپ تاشلىغان بولاتتىم.

ئەگەر ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنى كۆرگەنلىكىڭنى ئېيتقان بولساڭ، چوقۇم بىر يېرىڭ زەخمىلەنگۈدەك دەرىجىدە دەررە ئۇرغان بولاتتىم، ـ دەيدۇ.”

ھەزرىتى ئەلىنىڭ يېنىدا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھەققىدە گەپ بولسىلا، ئۇ: “ئۇ ھەممىمىزنى بېسىپ چۈشتى. جېنىم ئىلكىدە بولغان اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، قايسىبىر خەيرلىك ئىشقا تەشەببۇس قىلىنساق، ئەبۇبەكرى ئۇ ئىشتا چوقۇم بىزنى بېسىپ چۈشەتتى” دەيتتى.

بىر كۈنى، بىر كىشى ھەزرىتى ئەلىدىن: “ئى مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار نېمە ئۈچۈن خەلىپىككە سېنى تاللىماي، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى تاللىدى؟” دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭغا: “ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مەندىن بۇرۇن ئوچۇق ئېلان قىلدى، مەندىن بۇرۇن ھىجرەتكە ئاتلاندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن غاردا بىللە تۇردى. اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر ئەبۇبەكرى ئۆز خۇسۇسىيەتلىرىنى يوقىتىپ قويغان بولسا ئىدى، ئىسلام دىنى چوڭ تالاپەتكە ئۇچراپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تالۇتنىڭ ئاياقلىرىدىن ھېچقانداق پەرقى قالمىغان بولاتتى. اﷲ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى ئەيىبلەۋېتىپ، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى ماختىغانلىقىنى سەن بىلمەمسەن؟! اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ:(ئەگەر سىلەر اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (اﷲ ياردەم قىلىدۇ)، اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمراھ ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: غەم قىلمىغىن، اﷲ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە، ـ دەيتتى( اﷲ ئەبۇبەكرىگە رەھمەت قىلسۇن!” دەپ جاۋاب بەردى.

ئۈمەۋىي ۋە ئابباسىيلار دەۋرلىرىدىمۇ مەيلى ھەزرىتى ئابباس ياكى ھەزرىتى ئەلىنىڭ نەسەبىدىن بولسۇن، ھەممىسى بەنى ھاشىم نەسەبىدىن بولغان بارلىق كىشىلەرگە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرەتتى. بۇ ئېھتىرام ۋە ھۆرمەتنى كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە دۆلەت ئەربابلىرىمۇ قوبۇل كۆرەتتى. بەنى ھاشىم نەسەبىدىن بىرى خەلىپىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە، خەلىپە ئالىي ئېھتىرام بىلەن قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئۆزىنىڭ يېنىدىن ئورۇن بېرەتتى، چىقىدىغان ۋاقىتتىمۇ ناھايىتى تەكەللۇپ بىلەن ئۇزىتىپ قوياتتى.

ئابباسىيلار خەلىپىلىكىدىكى مەئمۇن بۇ ھەقتە ئەڭ ئۈلگىلىك نەمۇنە بولۇپ، ئۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ نەسەبىدىن بولغان ئەلى رىزانى ئۆزىنىڭ ئورۇنباسارلىقىغا تاللىغانىدى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىش ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەلى نەسەبىدىن بولغانلارغا نەقەدەر ئىززەت ـ ئىكرام كۆرسەتكەنلىكىنىڭ بىر دەلىلىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ نەسەبتىن كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن ياخشى رەھبەر، ھىدايەت يېتەكچىسى، ئالىيجاناپ ۋە تەقۋادارلار ئىدى. شۇڭا ئۇلارغا لايىق بولغان ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلدۈرۈلۈپ تۇراتتى. بۇ ئەھۋال، ھىجرىيە 3 ـ ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىچە، يەنى بىرمۇنچە كىشى ئۆزىنىڭ بۇ نەسەبتىن كەلگەنلىكىنى داۋراڭ سېلىپ، باتىنىيلىق مەزھىبى تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان، قارماتىلەر، زەڭگىلەر ھەرىكىتى ۋە ئۇبەيدىلەرگە ئوخشاش بىر قاتار بىدئەت ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغىچە داۋام قىلدى. بۇ سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەزرىتى ئەلىنىڭ نەسەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشاتتى.

ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس بولۇپ، ئۇلار داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سىستېمىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ۋە مۇسۇلمان خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇندى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇسۇلمانلارنىڭ جىھاد ۋە كۈرەشچى روھىنى سۇسلاشتۇرىدىغان، زاھىدلىق ۋە تەسەۋۋۇپ تونىغا ئورىنىۋالغان باشقا ئېقىملار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلارنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمانلارنى خانىقا غېرىبلىقى بىلەن زەھەرلەپ، ئىسلام جەمئيىتىنىڭ دىنامىزمىنى (يەنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى) ئۆلتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئالاتوپىلاڭغا قارشىلىق بىلدۈرمەيدىغان، ھەتتا ئېرەڭشىپمۇ كەتمەيدىغان خامۇش ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئىدى. ئەسلىدە، بۇ ئېقىملارنىڭ ھەممىسىنى بىر ـ بىرىگە چېتىشلىق دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ھەممىسىنىڭ يىلتىزى ئىران مەجۇسىييلىقىغا بېرىپ تۇتىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تاناسۇھ (ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن روھىنىڭ باشقا بىر بەدەن ئارقىلىق يېڭىدىن تۇغۇلۇشى) ۋە ھۇلۇل (نەئۇزۇبىللا! اﷲ نىڭ ئادەم ۋە نەرسىلەر بىلەن بىرلىشىشى) غا ئوخشاش ئورتاق بىر پەلسەپەۋىي خاراكتېرنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى. شۇنىڭدەك، شەھۋانىي ئارزۇ ـ ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىباھىيەچىلىك (جىنسىي پائالىيەتتە چەكسىز ئەركىنلىك ۋە مال ـ مۈلك ئورتاقلىقى) نى تەلەپ قىلىشاتتى ۋە پۇرسەت تاپقان ھامان بۇ ئىشلارنى ئوچۇق ـ ئاشكارە ئېلىپ باراتتى، پۇرسەت تاپالمىسا مەخپىي يۈرگۈزەتتى. ئەنە شۇ دەۋرلەردىن ئېتىبارەن مۇسۇلمانلار بىلەن بۇ ئازغۇن ئېقىملار ئارىسىدىكى يوچۇق بارغانسېرى چوڭىيىپ باردى.

تۇنجى ئايرىمىچى گۇرۇھلار ئۆزلىرىگە ئەھلى شىئات (شىئەلەر، يەنى ھەزرىتى ئەلى تەرەپدارلىرى) دېگەن سۈپەتنى بىرىشتى. ئۇلارنىڭ قارشىسىدىكى خەلق بولسا، ئەھلى سۈننەت دەپ تونۇلغان مۇسۇلمان خەلق ئىدى. كېيىنچە، مۇسۇلمانلار بىلمەيدىغان بىر قاتار يات پىكىر ۋە ھەرخىل پەلسەپىلەر پەيدا بولۇپ يېيىلدى.

ھەزرىتى ئەلىنى قوللايدىغان، ئەمما ئېتىقادلىرىغا ھېچقانداق بىر نۇقسان ئارىلاشمىغانلار پەرقلىق ناملاردىكى بەزى مەزھەبلەرگە تەۋە بولسىمۇ، يەنىلا مۇسۇلمان ھېسابلىناتتى. بۇلارغا قارشى، ئېتىقادلىرىغا يات ۋە باتىل پىكىرلەر ئارىلىشىپ كەتكەن بەزى پىرقىلەر گەرچە ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ياكى شىئە ئىكەنلىكىنى ھەرقانچە كۈچەپ تەرغىپ قىلسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ.

مەيلى ئۈمەۋىيلەر ياكى ئابباسىيلار مەزگىلىدە ئەھلى بەيت دۇچ كەلگەن بېسىم، زۇلۇم ۋە قەتلىئاملارغا كەلسەك، ئەسلىدە بۇ پالاكەت ئۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەكسىچە، مەيلى ئەھلى بەيت بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئەمەل ـ مەنسەپ سەۋداسىغا چۆمگەنلەر ۋە قوزغالغان خەلق ئاممىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىغا كە

لدى. مەسىلەن، بۇ ۋەقەلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھەزرىتى ھۈسەين ئەھلى بەيت بولسا، زۇبەير ئىبنى ئاۋامنىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئەھلى بەيت ئەمەس ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ نەۋرىسى زەيد ئىبنى ئەلى ئەھلى بەيت ئىدى، ئەمما ئامر ئىبنى سەئد ئىبنى ئەل ئاس ئەھلى بەيت ئەمەس ئىدى.

ئەھلى بەيتنىڭ ئۈستىدىكى بۇ بېسىم ئابباسىيلار دەۋرىدىمۇ داۋاملاشتى. مەسىلەن، خەلىپە مەنسۇر ھەزرىتى ھەسەننىڭ نەۋرىلىرى مۇھەممەد ۋە ئىبراھىمنى ئۆلتۈرگەندىن سىرت، ئۆز تاغىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلىنى ۋە ئەبۇ مۇسلىم خۇراسانىينى ئۆلتۈردى. دېمەككى، بۇ سىياسىي جىنايەتلەر پەقەت ئەھلى بەيت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، قايسى نەسەبكە مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان كىشىنىڭ ھەرقاندىقىغا تەھدىت سېلىناتتى.

ئەمەل ـ مەنسەپ سەۋداسى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن ۋە ئەڭ ئۇلۇغ نىشان بولۇپ، بۇ يولدا توختىماي قان ئاقاتتى، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئۆز ئائىلە ـ تاۋاباتلىرىغا، ئۆز پەرزەنتلىرىگە قارشى قانلىق جەڭلەرگە ئاتلىنىپ كېتەتتى.

مانا مۇشۇ شەرت ـ شارائىتلاردا ئەمەلدارلارغا قارشى چىقمىغان، سىياسىي ۋەقەلەرگە قاتناشمىغان زاتلار (ئەھلى بەيتنىڭ باشقا ئەزالىرى) ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائى ئورۇنلىرىنى ئىزچىل قوغداپ قالالىدى، ھېچكىم (مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ئۇلارغا چېقىلالمايتتى، رەنجىتەلمەيتتى، ئىززەت ـ ھۆرمىتىگە دەخلى ـ تەرۇز قىلالمايتتى. مەسىلەن، ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ ئوغلى ئەلى زەينەلئابىدن، مۇھەممەد باكىر، جافەرى سادىق، ئەلى رىزا، مۇھەممەد ئەل جەۋاد، ئەلىييۇل ھادى، ھەسەن ئەل ئەسكەرى ۋە بۇلاردىن بۇرۇن ياشىغان ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرىتى ھەسەن ۋە مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەنەفىييە قاتارلىقلار بۇ خىل ئېغىر ئەھۋالغا دۇچار بولمىغانىدى. بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلىنغان بولسىمۇ، خەلىپە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، كۆرۈلگەن بۇ نامۇۋاپىق مەسىلىلەر يۈزىسىدىن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىغان، ھەتتا ئۇلارغا ئۇيغۇن بولغان ئىززەت ـ ئىكراملار بىلەن ئۇلارنى مەمنۇن قىلغانىدى.

پەقەت مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ، ئۇلارنى بىر ـ بىرىگە زىت گۇرۇھلارغا بۆلۇش مەقسىتىدە، ناھايىتى ھاياجانلىق بىر شەكىلدە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇملار ئەسلىدە ئۇلاردىن باشقىلارغا قىلىنغان زۇلۇملارنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.

ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئارىلىرىدا ئېتىقاد ۋە پىكىر ئىختىلابى يوق ئىدى. دىنىي ئېتىقادتىكى پەرق كېيىنچە يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئىسلامغا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلدى.

بۇ ۋەقەلەردىن نەچچە ئەسىر كېيىن ياشىغان نەسىللەر بۇ مەسىلىلەرنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، ئەسلى ماھىيىتىنى ئىسپاتلاپ چىقمىغاچقا، ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلگەن پېتى قوبۇل قىلىش غەپلىتىگە پېتىپ قالدى.

خەلىپىلىك ۋە بەيئەت ئۇقۇملىرى

خەلىپىلىك

خەلىپىلىك ـــ مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشىنىڭ اﷲ نىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئۈچۈن قۇرغان ئىلاھىي قانۇنغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە خەلققە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن تاللىنىشى بولۇپ، بۇ، ئىجتىمائىي ھاياتنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن زۆرۈر شەرتتۇر.

“ھەقىقەتتە، ئابىستراكىت قانۇن ۋە ئۇنى تولۇقلىغۇچى پرىنسىپلارنىڭ بولۇشىلا جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ۋە ئىسلاھاتى ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. قانۇنلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن ۋەسىلە بولالىشى پەقەت ئۇ قانۇنلارنى يولغا قويىدىغان بىر ئىجرائىيە ئورگىنىنىڭ بولۇشى بىلەنلا ئىشقا ئاشىدۇ.

شۇڭا اﷲ تائالا مۇقەددەس قانۇن ـ نىزاملار بىلەن بىرگە، ئىنسانلارغا ئۇ قانۇنلارنى تەتبىقلايدىغان بىر ئىجرائىيە ئورگىنىنىمۇ ئاتا قىلغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مانا بۇ مەقسەتتە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئىجرائىيە ئورگانلىرىغا رەھبەرلىك قىلاتتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلىش، ۋەز ـ تەبلىغ ئېيتىش، ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش، ھۆكۈملەرنى ئىزاھلاشقا ئوخشاش بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە، بۇ ھۆكۈملەرنىڭ تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىجرا قىلىنىشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. بۇ يولدا كۆرسەتكەن خىزمەت ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىسلام دۆلىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شەرت ـ شارائىت يارىتىپ بەرگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جازا قانۇنلىرىنى تۈزۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى ۋە ئۆزى شەخسەن جازانى ئىجرا قىلىشقا قاتنىشاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار تەرىپىدن سايلانغان خەلىپىلەرمۇ بۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، تولۇق ئىجرا قىلىشتى. خەلىپىلەر پەقەت ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى خەلققە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈنلا سايلانمايتتى. ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىجرا قىلىنىشى ئۇلارنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشىنىڭ باشقا بىر سەۋەبى ئىدى. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن، ئىسلامدا خەلىپىلىك ئۇقۇمى بەكمۇ مۇھىم بىر مەنىگە ئىگە.”

شۈبھىسىزكى، خەلىپە ھەردائىم ئۆزىنىڭ اﷲ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا خەلققە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ، ھەر قانداق كەمچىلىكى سەۋەبىدىن قىيامەتتە ھېساب بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ تۆت خەلىپە اﷲ دىن بەكمۇ قورققانلىقى ئۈچۈن كېچە ـ كۈندۈز مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. مەدىنەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنى بىرمۇ بىر ئارىلاپ يۈرۈپ، خەلقنىڭ دەرتلىرىگە دەرمان بولاتتى.

تۇنجى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى دەپ قارىلاتتى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى تولۇقى بىلەن بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپىلىككە تەيىنلىنىپ، ئۇنىڭ ئورۇنباسارى بولغانىدى. مانا مۇشۇ تەرىقىدە، ھەر بىر خەلىپە ئۆزىدىن بۇرۇنقى خەلىپىنىڭ ئۈنۋانى بىلەن ئاتىلاتتى (مەسىلەن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورۇنباسارى، ھەزرىتى ئۆمەر ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ۋارىسى … دېگەندەك). ئەمما بۇ قوشۇمچىلارنىڭ زەنجىرسىمان ئۇزىراپ كېتىشى ۋە “خەلىپە” كەلىمىسىنىڭ كۆپ تەكرارلىنىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، كېيىنىكىلەر پەقەت خەلىپە دەپلا ئاتىلىدىغان بولدى. ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدىن باشلاپ خەلىپىلەرگە ئەمىرۇل مۇئمىنىين (مۇئمىنلەرنىڭ رەئىسى) دېگەن سۈپەت بېرىلىدىغان بولدى.

خەلىپە ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن مەجلىس ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆز ئورنىغا چىقىدىغان خەلىپىنى شەخسەن ئۆزى تەيىنلەيتتى (ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدەك)؛ ياكى ئارىلىرىدىن بىرىنى خەلىپىلىككە تەيىنلەش ۋەزىپىسىنى مەجلىس ئەزالىرىغا تاپشۇراتتى (ھەزرىتى ئۆمەردەك)؛ ۋە ياكى ھەزرىتى ئوسمان شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، ھەزىتى ئەلى خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندەك مەجلىس ئەزالىرى كېڭىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىرىنى خەلىپىلىككە تەيىنلەيتتى.

خەلىپىلىكنى (مىراس يولى بىلەن) بىر ئائىلىگە مەخسۇس ۋەزىپە قىلىۋېلشقا، ئائىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى قانداق (مەيلى ئەھلى بەيت ياكى باشقا بىر نەسەبتىن) بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلىپىلىكنى مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ مىراس خاراكتېرلىك سەلتەنەتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، ئىسلام دىنى مۇنداق بىر رەھبەرلىك سستېمىسىنى تونىمايدۇ.

خەلىپىلىك ئۈچۈن ئۇيغۇن بىر شەخسىيەتكە ئىگە بولۇش ھەرگىزمۇ نەسەب بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ئەمەس. شۇنداقلا، خەلىپە بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇن بولغان شەخسىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇش بىلەن ئالدىنقى خەلىپىنىڭ تۇغقىنى ياكى يېقىنى بولۇشىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. بەلكى پەقەت سالىھ (اﷲ نىڭ ئەمىرلىرىنى تولۇق بىجا كەلتۈرىدىغان، دۇرۇست ۋە سەمىمىي) كىشى بولۇشىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىكتۇر. ئۈستۈنلۈك پەقەت تەقۋالىق، يەنى اﷲ بېكىتكەن چەك ـ چېگرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

مۇغىرە ئىبنى شەئبە ھەزرىتى ئۆمەرگە ئۆزىدىن كېيىنكى خەلىپىنى تەيىنلەش ھەققىدە: “كىمنى تاللىشىڭنى ساڭا تەۋسىيە قىلايمۇ؟ ئەڭ ياخشىسى ئوغلۇڭ ئابدۇللاھ نى تاللىغىن!” دېگەندە، ھەزرىتى ئۆمەر: “اﷲ جېنىڭنى ئالسۇن! قەسەم قىلىمەنكى، مەن شۇنداق قىلىش (يەنى ئۆز ئوغلۇمنى خەلىپىلىككە تەيىنلەش) ئارقىلىق اﷲ نىڭ رازىلىقىنى ئالالايدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيمەن. بىزنىڭ ئائىلە بويىچە سىلەرگە خەلىپە بولۇشقا ئېھتىياجىمىز يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزەمنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەنلىكىممۇ مېنى كۆپ ئازابلىدى. مېنى مەمنۇن قىلمىغان ئىشقا ئۆز ئوغلۇمنى قانداقمۇ تەيىنلەپ قوياي؟! ئەگەر بۇ ۋەزىپىدە بىر خەير بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن بىزگىمۇ نېسىۋە تەگكەن بولاتتى. ياق! ئەگەر خەيرسىز ئۆتكەن بولسا، ئۆمەرنىڭ ئائىلىسىدىن بىر كىشى اﷲ قا بۇنىڭدىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن سوراققا تارتىلسا، شۇ يېتەرلىك. مەن بۇنىڭ جاپاسىنى كۆپ تارتتىم، ئائىلەمدىن يەنە بىرىنىڭ بۇ كۈننى كۆرۈشىنى ھەرگىز خالىمايمەن. مەن ئۆز ئائىلەمنى تاشلىۋەتتىم، ئۇلارنى كۆپ نەرسىدىن مەھرۇم قىلىپ قويدۇم. ئەگەر اﷲ نىڭ بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىسىدىن ئۆزەمنى قۇتۇلدۇرالىسام، بەكمۇ سۆيۇنگەن بولاتتىم” دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، ئۈمەۋىيلەر مەجلىسنى تەرك ئېتىپ، تەختنى بىر ـ بىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق ئۇنى ئائىلە سەلتەنەتىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ نارازىلىقىغا كۆپ ئۇچراپ كەتكەنىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، گەرچە ھەزرىتى ئەلىنىڭ تەرەپدارلىرى خەلىپىلىكنىڭ ئەھلى بەيتكىلا خاس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، بۇ، باشقا ئائىلىلەر ئۈمەۋىيلەردىن تېخىمۇ ئۈستۈن دېگەن مەنىنى ئىپادىلىمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈمەۋىيلەر (كېڭەشكە تايىنىپ) مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ۋەسىيەتنامە يېزىپ قالدۇرۇش يولى بىلەن ھوقۇقنى بىر ـ بىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ھوقۇق پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ قولىغا قالغانىدى.

فىقھىشۇناس ئالىملار خەلىپىلىك ئۈچۈن بىر يۈرۈش شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما بۇ شەرتلەر مۇسۇلمانلارغا خەلىپە بولغۇچى كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئومۇمىي خۇسۇسيەتلەر ئىدى. بۇ ئالىملار خەلىپىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش، ئەر كىشى بولۇش، بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئادىل بولۇشى كېرەكلىكىگە دائىر شەرتلەردە بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، خەلىپىنىڭ قۇرەيش نەسەبىدىن بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئوخشاشمىغان پىكىرلەرنى بايان قىلدى. مۇسۇلمان بولۇش ـــ خەلىپىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم شەرت دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى، مەلۇم بىر رەھبەرلىك قۇرۇلمىسىغا باش بولغان كىشىنىڭ ئۆزى شۇ قۇرۇلمىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ، ئۇنى ئىجرا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنداققۇ؟! بىر ئادەم ئىسلامنىڭ سىياسىي ۋە ئىدارىي سىستېمىسىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى جەزم قىلالماي تۇرۇپ، قانداقسىگە مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا ئۆتۈپ، بۇ سىستېمىنى سەمىمىيەتلىك بىلەن يۈرگۈزەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلمىغانلارنى جازالىيالايدۇ؟ ئۇندىن باشقا، خەلىپىلىك ئۈچۈن ئەركەك بولۇشىمۇ زۆرۈر شەرت. چۈنكى ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ھېسسىياتچان ۋە جىسمانىي جەھەتتە ئەرلەردىن ئاجىز بولغاچقا، بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگۈچىنىڭ قىلىشى كېرەك بولغان ئىماملىق (جۈمە نامازلىرىدا)، قوشۇن يۆتكەش ۋە جىنايەتچىلەرنى جازالاشقا ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ.

خەلىپىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان “ ئادىل بولۇش” شەرتىگە كەلسەك، ھەر ئىنساننىڭ ئادالەتكە بولغان مەيلى ۋە كۆز قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى ئادالەت دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مەخسۇس ئۆلچەم يوق. بەزىبىر كىشىلەرنىڭ ئادالەت چۈشەنچىسى ئېنىقتۇر، بولۇپمۇ بىز گېپىنى قىلىۋاتقان ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى ئادالەت ئەھلى ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى ـ پەزىلەتتە باشقىلاردىن ئارتۇقراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەزىلەت ئۆلچەملىرى جەھەتتىن ئىككىنچى دەرىجىگە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ئىمام بولۇشى (يەنى خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى) جائىزدۇر.

دېمەككى، خەلىپىلىككە تەيىنلەنمەكچى بولغان كىشىنىڭ پۈتۈن جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى بولۇشى شەرت ئەمەس. بەلكى پەزىلەتتە ئۆز دەۋر كىشىلىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدە ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك بولغان كىشىلەر تەيىنلەنسىمۇ بولىدۇ. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەن كۈنى (ئۆزى بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى تۇرۇپ) مۇنداق دېگەنىدى: “مەن ئەڭ خەيرلىكىڭلار بولمىساممۇ، مېنى ئۆزەڭلارغا خەلىپە قىلىپ سايلىدىڭلار”. ئۇنىڭ بۇ سۆزى بىر ھېسابتا جەمئىيەتتە ئۇنىڭدىنمۇ پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا دالالەت بولالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ خەلىپىلىكى ئىناۋەتلىك بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ھەر بىر پۇقراغا ۋاجىپ ئىدى.

خەلىپىلىككە قويۇلغان “بالاغەت” شەرتىگە كەلسەك، بۇ بالاغەتكە يەتكەن ياشلارغا بەيئەت قىلىشقا (ئۇنى خەلىپىلىككە تەيىنلەشكە) بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئىنسان ياشتا چوڭ، تەجرىبىلىك كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەتلەيدۇ.

مەسىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شىمالدا بىزانسلىقلار (شەرقىي رىم ئىمپېراتورلۇقى) بىلەن جەڭ قىلىش ئەمرىنى ئالغان قوشۇننىڭ بېشىغا ئۇسامە ئىبنى زەيدنى قوماندان قىلىپ تەيىنلىگەندە، ئەلۋەتتە، مۇسۇلمانلار خالاپ ـ خالىماي بۇنى قوبۇل قىلىشتى ھەم قوبۇل قىلماي بولمايتتى. چۈنكى بۇ ئەمرنى ئۇلارنىڭ ئۆز جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرى بەرگەنىدى.

ئەمما بەزىلەر قوشۇن ئىچىدە ئۇسامەدىنمۇ كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئەمرگە ئېتىراز بىلدۈرۈشتى. ھەقىقەتەن قوشۇن ئىچىدە ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئەبۇئۇبەيدەگە ئوخشاش كىشىلەر بار ئىدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قارارى ئەمر ـ پەرمان ئىدى. شۇنداقلا، ئۇنىڭ بۇ قارارىدا بالاغەتكە يەتكەن بىر ياشنىڭ قوشۇندا ئۆزىدىن كۈچلۈكرەك كىشىلەر بولسىمۇ، قوشۇنغا قوماندانلىق قىلالايدىغانلىقىغا دائىر دەلىل بار ئىدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى، تۇنجى خەلىپە سايلانغان ۋاقىتتا، “پىشقان ۋە تەجرىبىلىك” دەپ ھەممەيلەن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى بۇ ۋەزىپىگە لايىق كۆرۈشتى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ يېشى ئاتمىشتىن ھالقىپ قالغانىدى. ئەمما ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ياش ساھابىلاردىن ھەزرىتى ئەلى، زۇبەير ئىبنى ئاۋام ۋە ساد ئىبنى ئەبۇۋاققاس قاتارلىقلارغا ھېچكىم دىققەت قىلمىدى. چۈنكى بۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ يېشى تېخى 30 دىن ئاشمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خەلىپە بولۇش ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىغانىدى.

خەلىپە (يەنى خەلقنىڭ دۆلەتكە رەئىس سايلىشى) ـــ ھەم مەنتىقە ھەم شەرىئەت جەھەتتىن ۋاجىب بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلىتىنى باشقۇرىدىغان بىر رەھبەرگە موھتاجدۇر. ئىسلامىي دۆلەت شەكلى خەلىپىلىك بولۇپ، بىر جەمئىيەتنى دۆلەتسىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغىنىمىزدەك، مۇسۇلمانلارنىمۇ خەلىپىسز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. دۆلەت يوقالسا، خەلقتە ھۆكۈمەتسىزلىك ئېڭى كۈچىيىدۇ، ئىجتىمائىي تەرتىپ بۇزۇلۇپ، پىتنە ـ پاسات ۋە قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالىدۇ، گۇناھ ۋە جىنايى قىلمىشلار كۆپىيىپ، ئىنسانلار بىر ـ بىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ.

ئەگەر خەلىپىلىك يىقىلسا، ئىسلام تۇپراقلىرى يات كۈچنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئۇلار تەرىپىدىن بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىنىدۇ، ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر خانىۋەيران قىلىنىدۇ. ئاۋۋال بىر قانۇن چىقىرىلىپ، جەمئىيەت ئۇنىڭ بىلەن كونترول قىلىنىدۇ. ئاندىن جەمئىيەتنى تۈزەش باھانىسىدە، كۇپرىلىق بىلەن تولغان قانۇن ـ لايىھەلەر يولغا قويۇلۇشقا باشلايدۇ. دەرھەقىقەت، خەلىپىلىك يىقىلغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار دۇنيادا مانا مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولدى.

ئىسلامدا خەلىپىلىك پەقەت كېڭەش مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خەلىپە نامزاتىغا بەيئەت قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. كېڭەش مەجلىسى ئەزالىرى دېگىنىمىز، جەمئىيەتتە ئادالەت، ئىلىم ۋە تەقۋا قاتارلىق پەزىلەتلىرى بىلەن تونۇلغان، كامىل شەخسىيەتلىك ۋالىيلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇلار كېڭەش مەجلىسىنىڭ ئەڭ ئۈست قاتلىمىدىكى بىر تەبىقە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى خەلىپىگە قويۇلغان شەرتلەر ۋالىلارغىمۇ ئوخشاشلا قويۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا خەلىپە كېڭىشى ۋالىيلارغا مەسلىھەتچى بولىدىغان ئادىل كىشىلەر بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كېڭەش ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋالىيلار يەرلىك كېڭەش ئەزالىرىدىن خەلىپە ئۈچۈن بەيئەت ئالىدۇ. تۆت خەلىپە دەۋرىدە مەدىنە شەھىرى دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەركىزى ئىدى. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋە رەھبەرلىكتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋالىيلارمۇ بۇ شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق ئىدى.

ئۇ دەۋرلەردىكى سايلامغا زامانىمزدىكىدەك پۈتۈن خەلق ئەمەس، بەلكى پەقەت كېڭەش ئەزالىرىلا قاتنىشاتتى. خەلقنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ بەيئەت قىلىشى ئادەت ۋە نورمال ئىش بولسىمۇ، خەلىپىلەر بۇ ئىشقا بەك داغدۇغا كۆرسىتىپ كەتمەي، بەلكى پەقەت مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تونۇلغان كىشىلەرنىڭ تەستىقىغىلا قارايتتى. كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكى بەيئەت قىلسا، شۇ كۇپايە ئىدى. ئۇلارنىڭ بەيئىتى بىلەن خەلىپە تەستىقلانغان بولاتتى.

شۇڭا ئاز ساندىكى ساھابىنىڭ بەيئەت قىلماسلىقى بىلەن خەلىپە تەستىقتىن ئۆتمىگەن ھېسابلانمايتتى. ئەگەر خەلىپىلەر كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بەيئەت قىلىشىنى مۇھىم دەپ بىلسە، بۇ ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى (خەلقنىڭ ئۆزىنى قوللاپ ـ قوللىمايدىغانلىقىنى) ۋە ساھابىلەرنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى قايىللىقىنى سىناپ كۆرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن بولاتتى.

خەلىپە سايلىمى دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، تەستىقلانغىنىغا قارىغاندا، ئىسلام ئالەمى يېقىنقى زامانلاردا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سايلام ۋە تەستىقلاش سىستېمىلىرىنى قوبۇل كۆرمەيدۇ. چۈنكى بۇ سىستېمىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سايلام ھەر دائىم ئۆزىنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن دېكتاتور ياكى سىياسەتچىنىڭ تەشۋىقاتلىرى تەسىرىدە، ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە ماس ھالدا نەتىجىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزلىرىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز.

سىياسەتچىلەر بۇ سىستېمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا “ئومۇمىي خەلق سايلىمى” دەپ ئاتالغان يېڭى بىر مېتودنى كەشىپ قىلىشتى. بۇ، ئۆز رەھبەرلىك قۇرۇلمىسىنى رەسمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تولۇق ئاۋاز بىلەن تەمىنلەشكە ئوخشاش بىر ئىش بولۇپ، خەلق بۇ سايلام ئارقىلىق نامزات بولغۇچىنىڭ تەرەپدارى بولىدۇ ياكى ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ. ئاۋاز بەرگەن ۋاقىتتا، نامزات ئوتتۇرىغا قويغان پىلان ۋە كۆز قاراشلارنى قوللايدىغانلىقىنى ياكى ئۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئېغىزدا دېيىلىدىغىنى مانا بۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان خەلق سايلىمىنىڭ ھەممىسى مۇتلەق كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىش (ھەممىسى % 96 تىن يۇقىرى) شەكلى بىلەن نامزاتنىڭ ئارزۇ ـ ئىستەك ۋە مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالدا داۋاملاشماقتا.

بۇ بىزگە شۇنى چۈشەندۇرۇپ بەرمەكتە: خەلقنىڭ كۆزقارىشى ھەرخىل بولسىمۇ، لېكىن ھېچقايسىسى سايلامدا ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ھەققانىيەت تەرەپدارى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ھەقتە ئېنىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. شۇڭا خەلق ئومۇمىي سايلامدا يا نامزات بولغۇچىنىڭ پەردازلاپ ئوتتۇرىغا قويغان پىلان، تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانغىنىدىن ياكى قورققىنىدىن ھەر دائىم يالغان ئاۋاز بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

خەلقنىڭ بىلىمسىز، نادان تەبىقىسى (ئېچىنارلىقى خەلقنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇلار تەشكىل قىلىدۇ) شەخسىي مەنپەئەت، شەھۋەت ۋە ئارزۇ ـ ھەۋەس مەيلى بىلەن ھەر دائىم ئۆزلىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان كىشىلەرگە ياكى تەشۋىقاتىنى ئەڭ دەبدەبىلىك قىلالىغان سىياسەتچىلەرگە ئاۋاز بېرىدۇ. دەرھەقىقەت، بۇ نادان خەلق سىياسەتچىلەرنىڭ ھەر كۈنى ھەرخىل ئوينايدىغان نەيرەڭۋازلىقىنىڭ تېگىگە يېتىپ بولالمايدۇ. بۇ سايلاملارنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇنداق بىر ۋەقە بولۇپ ئۆتكەنىكەن:

ئاۋام خەلق تەبىقىسىدىن (ئىلىم يۈزى كۆرمىگەن، نادان) ياش بىر قىز ئاۋاز بېرىش ئۈچۈن سايلام ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. كىمگە ئاۋاز بېرىشىنى بىلەلمەي تۇرغان قىزغا بىر نامزاتنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىشىپتۇ. ئەمما ئۇ نامزاتنىڭ چىراي ـ تۇرقى قىزغا ياقماپتۇ. كىشىلەر قەددى ـ قامىتى كېلىشكەن يەنە بىر نامزاتنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپتۇ. بۇ نامزات قىزنىڭ كۆڭلىگە يېقىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاۋاز بېرىپتۇ. رەقىبىدىن ئۈستۈن كېلىش ئۈچۈن بىر ئاۋازغا ئېھتىياجى بولغان بۇ نامزات ئۇ قىزنىڭ ئاۋازى بىلەن سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپتۇ.

مانا مۇشۇنداق، سايلىغۇچىلارنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلانغان نامزات ھەر خىل نەيرەڭلەر بىلەن سايلامدا ئۇتۇپ چىقالايدۇ. سايلام ھەققىدىكى بۇنداق مىساللار بەكمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.

شۇڭا بىر جەمئىيەت نادان پېتى قالغانسېرى ئۆزلىرىگە ھەقىقىي تۈردە خىزمەت قىلىدىغانلارنى سايلىيالمايدۇ. سايلانغۇچىلارمۇ ھەر ئىشقا ھېسسىي مۇئامىلە قىلىپ، پەقەت ئۆز ئارزۇ ـ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ.

دۆلەتمۇ زالىم ۋە خەلققە بېسىم ئىشىلىتىدىغان بولۇپ قالسا، ئىلىم ـ ئىرپان، اﷲ قورقۇسى دېگەنلەردىن نېسىۋىسى يوق، قارا قورساق كىشىلەرنىڭ كۆپرەك سايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياكى ھەمىشە ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغانلارنىڭ سايلىنىشى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ، ئۇلارغا مەيدان ھازىرلاپ بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق دۆلەتنى ئۆزى خالىغانچە ئىدارە قىلىدۇ، ھەتتا بۇ مەنپەئەتپەرەستلەردىن تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى كۈتىدۇ.

مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىسلام دىنى دۆلەتنىڭ ھەر تەرىپىگە يېيىلغان كېڭەش ئەربابلىرىغا بەيئەت قىلىشنى يېتەرلىك دەپ بىلىدۇ. يەرلىك ئەمەلدارلار، ۋالىي ، ھاكىم ۋە خەلقمۇ بۇ كىشىلەرنى تونۇيدۇ ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. بۇ زاتلاردىمۇ خەلقنىڭ ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ سىرتىدا بىر نەرسە دېيىشىنى توسىدىغان اﷲ قورقۇسى بار بولۇپ، ئۇلار اﷲ نىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىدۇر.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەبۇبەكرى (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھاياتى

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھاياتى”

ئىسمى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئوسمان ئىبنى ئامىر ئىبنى ئامر ئىبنى كەئاب ئىبنى ساد ئىبنى تەييىم.

لەقىمى: ئەتىيق؛ تەخەللۇسى: ئەبۇبەكرى. كىشىلەر ئۇنى سىددىق (راستچىل) نامى بىلەن تونۇيدۇ.

دادىسنىڭ ئىسمى ئوسمان ئەبۇقۇھافە. ئانىسىنىڭ ئىسمى ئۇممۇل خەير سەلما بىنتى سەخر.

ئانىسىمۇ بەنى تەييىم قەبىلىسىدىن بولۇپ، دادىسىنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى ئىدى. بەنى تەييىم قۇرەيشنىڭ ئون ئىككى ئايمىقىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئابدۇمەنناف ۋە بەنى مەخزۇم ئايماقلىرىدەك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھىجرەتتىن ئەللىك بىر يىل بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ياشتا پەيغەمبىرىمىزدىن ئىككى يىل، بىر نەچچە ئاي كىچىك ئىدى. ئەبۇبەكرى جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەنىدى. ئۇلاردىن بىرى، قۇتەيلە بىنتى ئابدۇل ئۇززا بولۇپ، بۇ ئايالىدىن ئابدۇللا ۋە ئەسما تۇغۇلدى. يەنە بىرى، بەنى قىنانەدىن ئۇممۇ رۇمان بىنتى ئامىر بولۇپ، بۇ ئايالىدىن ئابدۇرراھمان ۋە ئائىشە دۇنياغا كەلدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى قۇرەيش چوڭلىرىدىن بىرى ئىدى. ئىسلامدىن بۇرۇن قۇرەيشنىڭ ئورۇن ۋە مەنسەپلىرى ئون ئايماقتىن ئون كىشىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، بەنى ھاشىم ئايمىقىدىن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى) ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب بولۇپ، بۇ زات جاھىلىيەت دەۋرىدە ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى باشقۇراتتى. بۇ ۋەزىپە ئىسلام دەۋرىدىمۇ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى.

ئىككىنچى، بەنى ئۈمەييەدىن ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھارب بولۇپ، قۇرەيشنىڭ “ئۇقاب” دەپ ئاتىلىدىغان تۇغى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. قۇرەيشلەر مۇھىم بىر ئىشقا بىرىنى باش قىلىپ سايلىماقچى بولۇپ، پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىسە، ھەممىسى ئۇنى سايلاپ قوياتتى.

ئۈچىنچى، بەنى نەۋفەلدىن ھارس ئىبنى ئامىر. ئۇ “رىفادە” دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىجتىمائىي خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدن چىقاتتى. بۇ، قۇرەيش رەئىسلىرىنىڭ قىسىلچىلىقتا قېلىپ، پەرىشان بولغان ھاجىلار ئۈچۈن بەرگەن مەلۇم مىقداردىكى ياردىمىنى توپلاپ، بېرىلىشى كېرەكلىك بولغان كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىدىغان خىزمەت ئىدى.

تۆتىنچى، بەنى ئابدۇدداردىن ئوسمان ئىبنى تەلھە. ئۇ، كەئبىنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى قىلاتتى.

بەشىنچى، بەنى ئەسئەدتىن يەزىد ئىبنى زەمئە ئىبنى ئەل ئەسۋەد. ئۇ، قۇرەيشنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ، قۇرەيشلەر ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھېچقانداق بىر ئىشقا قارار بەرمەيتتى. ئۇ، بىر ئىشقا تەستىق سالغاندىن كېيىن ئۇنى ئىجرا قىلاتتى ياكى ئۇ ئىككىلىنىپ قالسا، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشاتتى.

ئالتىنچى، بەنى تەييىمدىن ئەبۇبەكرى. ئۇ ئىقتىسادىي جازالارنى قۇرەيشنىڭ نامىدا ئۆتكۈزىۋالاتتى. بىر ئىشنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن، قۇرەيشلەردىن دەلىل تەلەپ قىلىنغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ گېپى بەكمۇ كۈچلۈك ھېسابلىناتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىماقچى بولغان كىشىگىمۇ ھوقۇق بېرەتتى. ئەمما ئۇنىڭ سىرتىدا بىر كىشى بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنىدىغان بولسا، ئۇنى رەزىل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى.

يەتتىنچى، بەنى مەھزۇم ئايمىقىدىن خالىد ئىبنى ۋەلىد بولۇپ، چېدىر ۋە قوماندانلىق ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. چېدىر لازىم بولغاندا بىر يەرگە قۇرۇلاتتى ۋە قۇرەيش چوڭلىرى كېلىپ قوشۇننىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدە مەسلىھەتلىشەتتى. قوماندانلىق خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولۇپ، ئۇرۇشلاردا ئاتلىق قوشۇننىڭ يۈرۈش قىلىشىغا ۋە قوماندانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولاتتى.

سەككىزىنچى، بەنى ئادىيدىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب. ئۇ جاھىلىيەت دەۋرىدە قۇرەيشلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ھازىرقى دۆلەت ئەلچىسى ياكى تاشقى ئىشلار مېنىستىرىغا ئوخشاش ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل ئىدى.

توققۇزىنچى، بەنى جىمھ ئايمىقىدىن سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە. ئۇ پال ئوقلىرىنىڭ ئامانەتچىسى ئىدى.

ئونىنچى، بەنى سەھىمدىن ھارىس ئىبنى قەيس. ئۇ بۇتلارغا ئاتا قىلىنغان ماللارغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرخىل ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.

ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى قۇرەيشنىڭ نەسەبشۇناسى ئىدى. تارىخچى ئىبنى ھىشام «پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:

“ئەبۇبەكرى قۇرەيشنىڭ نەسەبىنى ئەڭ ياخشى بىلەتتى. بۇ نەسەبتىكى ياخشىلىق ياكى باشقا نېمە بولسا، ھەممىدىن خەۋەردار ئىدى. يامانلىقلارنى كۆرمەسلىككە سالىدىغان، خۇشپېئىل، ئەخلاقلىق ۋە باشقىلارغا خەيرىخاھلىق قىلىدىغان بىرى ئىدى. قۇرەيش چوڭلىرى ئۇنى يوقلاپ، ئۇنىڭ تىرەن بىلىملىرى، سودا ـ سېتىق تەجرىبىسى ۋە ئاغىنىدارچىلىقى سەۋەبىدىن ھەرخىل تېمىلار ھەققىدە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايتتى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى تىجارەتچى بولغاچقا، كۆپلىگەن مەملىكەتلەرگە بېرىپ ئايلىناتتى. ئۇ مۇشۇ مەقسەتتە ئەبۇتالىبنىڭ كارۋىنىغا قېتىلىپ شامنى زىيارەت قىلدى. خېلى كۆپ مىقداردا مەبلىغى بار ئىدى ھەم ناھايىتى سېخى ئىدى. ھەردائىم ئۆز مېلىدىن سەرپ قىلىپ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلاتتى. شۇڭا قۇرەيشلەر ئۇنى بەكمۇ سۆيەتتى ۋە ھەر ئىشىنى ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە قىلاتتى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى جاھىلىيەت دەۋرىدىلا ئۆزىگە ئىچىملىكنى چەكلىگەنىدى. شۇڭا مەيلى جاھىلىيەتتە ياكى ئىسلامىيەتتە بولسۇن، ئىچىملىكنى پەقەتلا ئىچمىگەنىدى. جاھىلىيەت دەۋرىدە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىر مەستكە يولۇقۇپ قالدى. ئۇ مەست قولىنى ئادەمنىڭ چوڭ تەرىتىگە تىقىپ، ئاندىن ئاىزىغا يېقىن ئاپىراتتى ۋە پۇرىقىدىن سەسكىنىپ قولىنى تارتىۋالاتتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بۇ يىرگىنىچلىك مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئۆزى ھېچ تېتىپ باقمىغان ئىچىملىكنى ھاياتى بويىچە ئاغزىغا ئالماسلىق ھەققىدە ئۆز ـ ئۆزىگە قەسەم ئىچتى.”

ئەبۇنازىم ئىشەنچلىك بىر رىۋايەت ئارقىلىق ھەزرىتى ئائىشەدىن شۇنى نەقىل قىلىدۇ: “(دادام) ئەبۇبەكرى جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ ئىچىملىكنى ئۆزىگە ھارام دەپ ھېسابلايتتى.”

ئىبنى ئامىر يەنە بىر ئىشەنچلىك رىۋايەت ئارقىلىق ئائىشەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ: “اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، (دادام) ئەبۇبەكرى مەيلى جاھىلىيەت دۋرى ياكى ئىسلام دەۋرىدە بولسۇن، قەتئىي شېئىر ئوقۇمايتتى. ئوسمان بىلەن ئىككىسى جاھىلىيەت دەۋرىدىلا ئىچىملىككە يېقىنلاشمايتتى.”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن پەقەت ئۇچ بېيىتلا شېئىر رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى مۇنداق ئىدى:

ئەي تەلھە ئىبنى ئابدۇللاھ!

ساڭا خۇشخەۋەر، ساڭا خۇشاللىق،

مۇبارەك جەننەتلەر بىر ساڭا لايىق.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھاياتى بويىچە بۇتقىمۇ چوقۇنمىغانىدى. ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى: “مەن بۇ ھاياتىمدا بۇتقا چوقۇنۇپ باقمىدىم. يىگىتلىك ۋاقىتلىرىمدا، بىر كۈنى دادام مېنى بۇتلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر بۇتخانىغا باشلاپ باردى ۋە ماڭا:

ـ ئوغلۇم! مانا بۇلار سېنىڭ ئۇلۇغ ئىلاھلىرىڭ، ـ دېدى ۋە مېنى ئۇ يەرگە قويۇپ، ئۆزى كېتىپ قالدى. مەن بىر بۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ـ مېنىڭ قورسىقىم ئاچ، ماڭا يېگۈدەك بىر نەرسە بەر! ـ دېدىم. ئەمما بۇت جاۋاب بەرمىدى. مەن يەنە:

ـ مەن يالىڭاچ، ماڭا كىيگۈدەك بىر نەرسە بەر! ـ دېدىم. بۇت يەنە جاۋاب بەرمىدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن ئاچچىقىمدا بىر پارچە تاشنى ئېلىپ، بۇتقا قارىتىپ ئاتتىم. بۇت يەرگە دۈم چۈشتى.”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مەخپى ـ ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدى. ۋەھيى چۈشۈشتىن بۇرۇنمۇ ئۇنىڭغا بەك سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇتالىب بىلەن بىرلىكتە بارغان ۋە مەشھۇر پوپ بۇھەيرا بىلەن ئۇچراشقان شام زىيارىتىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھيى چۈشكەن دەسلەپكى چاغلاردا، ئادەم يوق يەرلەرگە بېرىۋالغىنىدا قۇلىقىغا: “ھەي مۇھەممەد!” دەپ چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى.

بۇنى بىر سىر سۈپىتىدە پەقەت ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگىلا ئېيتتى. چۈنكى جاھىلىيەت دەۋرىدە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن دوستى ۋە بىردىنبىر سىردىشى ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئىسلام دەۋرىدە كۆپ شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھاياتى ھەققىدە بەك ئېنىق ۋە تەپسىلىي مەلۇمات يوق. ئۇ دەۋر ھەققىدىكى مەلۇماتلار پەقەت ئۇنىڭ تىجارەت بىلەن ھەپىلىشىدىغانلىقى، نەسەبشۇناس ئىكەنلىكى، قۇرەيشلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىسى ئىكەنلىكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇ دەۋردىمۇ دوست ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، مانا بۇ جەھەتلەردىن ئۇ، جاھىلىيەت دەۋرىدە تونۇلغان باشقا كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئىسلامغا كىرىشى، يەنى ئۇنىڭ بۇرۇندىنلا ئىسلامغا مايىل بولۇشى ئۇنى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن قالسىلا ئەڭ مۆتىۋەر كىشى ئىدى.

ئىسلام دىنى ئۆزىگە كۆڭۈل بەرگەن ھەركىشىنى ئۇلۇغلايدۇ ـ ئەلۋەتتە! ئەمما ئۇنى تېخىمۇ بۇرۇن قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، قويۇلغان چەك ـ چېگرالارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ۋە بۇ جەھەتتىكى پەرقلەرگە ئاساسەن ئىسلام دىنى ئۆز مەنسۇپلىرىنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئۈستۈن تۇتىدۇ. مانا بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە مۇجەسسەملەنگەنىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇنجى ۋەھيى چۈشكەندىن كېيىن دەرھال ھەزرىتى خەدىچەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:

“مەن يالغۇز قالغان ۋاقتىمدا قۇلىقىمغا بىر نىدا ئاڭلاندى. اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەكمۇ قورقۇپ كەتتىم” دېدى. ھەزرىتى خەدىچە ئۇنىڭغا: “اﷲ تائالا سېنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ. چۈنكى سەن ئامانەتكە خىيانەت قىلمايسەن، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭغا كۆڭۈل بۆلىسەن، يالغان سۆزلىمەيسەن” دەپ تەسەللى بەردى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يوقلاپ كەلگىنىدە، ئۇ ئۆيدە يوق ئىدى. ھەزرىتى خەدىچە ئەبۇبەكرىگە: “ئى ئەتىيق! مۇھەممەدنى ۋەرەقەنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ باققان بولساڭ” دەپ ئۆتۈندى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشىغا كەلسەك، ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دەپ تەرىپلەيدۇ: “ئۆڭى ئاق، ئورۇق ۋە ساقىلى شالاڭ ئىدى. ئالدىغا سەل ئېگىلىپ تۇراتتى، يۈز تومۇرلىرى ئوچۇق كۆرۈنەتتى. پىشانىسى كەڭ، قوللىرى تۈكسىز ئىدى.”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئىسلام دەۋرىدىكى ھاياتى

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئىسلام دەۋرىدىكى ھاياتى”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ سەمىمىي دوستى ئىدى. شۇڭا ۋەھيى چۈشۈشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئىشەندى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئىسلامنى دەرھال قوبۇل قىلىشى، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى جاھىلىيەت دەۋرىدىلا ھەر جەھەتتىن (يەنى ھاياتى، سەرگۈزەشتىسى ۋە ئەخلاقى قاتارلىق جەھەتلەردىن) ناھايىتى پىششىق تونۇغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان سالاھىيەت ۋە لاياقەتنىڭ بارلىقىغا چىن كۆڭلىدىن ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى. ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ دىنى بولغان ھەنىف ئېتىقاتىدىكى كىشىلەرنىڭ ساماۋىي كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، يېقىندا بىر پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىمۇ ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

ئىبنى ئەسەقىر بىر رىۋايەتتە ئىيسا ئىبنى يەزىدتىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ: “بىر كۈنى، كەئبىنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇراتتىم، زەيد ئىبنى ئامىر ئىبنى نۇفەيلمۇ ئۇ يەردە ئىدى. بىر چاغدا ئۇمەييە ئىبنى ئەبىس سالت كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن:

ــ قانداق ئەھۋالىڭ؟ ئەي ياخشىلىق ئىزدىگۈچى! ـ دەپ ئەھۋال سورىدى. ئۇ: ـ ياخشى، ـ دەپ جاۋاب بەردى. ئارقىدىنلا: ـ بىرەر خەۋەر ئاڭلىدىڭمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ياق! ـ دېدى.ئۇمەييە:

بارلىق دىنلار ئىناۋەتسىز قىيامەتتە،

اﷲ نىڭ دىنى مۇستەسنادۇر ئەلۋەتتە!

دەپ غىڭشىغاندىن كېيىن:

ــ شۇ كەلمەكچى بولغان پەيغەمبەر بارغۇ؟ ئۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ياكى بىزنىڭ ئارىمىزدىن چىقىدۇ، ـ دېدى.

مەن بۇندىن بۇرۇن كەلمەكچى بولغان ياكى بىز كېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان بۇ پەيغەمبەر توغرۇلۇق مۇنداق سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغانىدىم. مەن ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۇدۇل ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەلنىڭ قېشىغا باردىم. بۇ كىشى ئاسمانغا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قارايتتى ۋە ھەردائىم ئۆز ـ ئۆزىگە بىر نەرسىلەرنى پىچىرلاپلا تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزەم ئاڭلىغان گەپلەرنى دەپ بەردىم. ئۇ ماڭا:

ــ شۇنداق ئوغلۇم! بىز كىتاب ۋە ئىلىم ئەھلى كىشىلەرمىز. كەلمەكچى بولغان بۇ پەيغەمبەر (توغرىسىنى ئېيتقاندا) ئەرەبلەرنىڭ ئېسىل نەسەبلىك ئائىلىلىرىدىن چىقىدىغاندەك قىلىدۇ. مېنىڭ نەسەبلەر ھەققىدە مەلۇماتىم بار. سېنىڭ ئائىلەڭمۇ نەسەبلىك ئائىلىدۇر، ـ دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئۇنىڭدىن:

ــ تاغا! پەيغەمبەر بىزگە نېمىلەرنى بىلدۈرمەكچى؟ ـ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا:

ــ ئۆزىگە نېمە بىلدۈرۈلسە، ئۇنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما پەيغەمبەر زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىشقىمۇ بولمايدۇ، ئۇنى زۇلۇم قىلغۇچىلار قاتارىدا كۆرمەيسەن، ـ دېدى.

بۇ سۆزلەر ماڭا تەسىر قىلغانىدى. شۇڭا مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئىشەندىم، ئۇنى تەستىقلىدىم ۋە مۇسۇلمان بولدۇم.”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى يەنە مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تېخى ۋەھيى چۈشمىگەنىدى. بىر كۈنى يەمەنگە قاراپ يولغا چىقتىم. ئەزد قەبىلىسىدىكى ياشانغان بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدۇم. ئۇ ئادەم بەكمۇ بىلىملىك بولۇپ، كۆپ كىتاب ئوقۇغاچقا بىلىم دائىرىسى بەكمۇ كەڭ ئىدى. ئۇ كىشى مېنى كۆرۈپلا:

ــ سەن ھەرەملىكمۇ (مەككىلىكمۇ دېمەكچى)؟ ـ دەپ سورىدى.

ــ شۇنداق! ـ دېدىم. ئۇ:

ــ قۇرەيشلىكمۇ سەن؟ ـ دەپ سورىدى.

ــ ھەئە! ـ دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن:

ــ بەنى تەييىمدىنمۇ سەن؟ ـ دەپ سورىدى. مەن:

ــ شۇنداق! مەن بەنى مۇررا، بەنى تەييىم، بەنى ئوسماندىن ئابدۇللاھ مەن، ـ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ مېنىڭ يېقىندا ئەۋەتىلىدىغان پەيغەمبەر بىلەن دوست بولىدىغانلىقىم ھەققىدە خۇشخەۋەر بەردى.”

رابىئە ئىبنى كەئەب ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى ئاسماندىن چۈشكەن بىر ۋەھيىگە ئوخشىتىدۇ.

چۈنكى بىر قېتىم شامدا تىجارەت قىلىۋاتقىنىدا بىر چۈش كۆرۈپ، بۇ چۈشىنى بۇھەيرە ئىسىملىك بىر پوپقا دەپ بەرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق بىر دىئالوگ بولۇپ ئۆتتى:

پوپ: ــ سەن قەيەرلىك؟

ئەبۇبەكرى: ــ مەن مەككىلىك.

پوپ: ــ نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىسەن؟

ئەبۇبەكرى: ــ تىجارەت قىلىمەن.

پوپ: ــ ئەگەر اﷲ تائالا چۈشۈڭنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ قالسا، سەن خەلقىڭنىڭ ئارىسىدىن چىقىدىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەزىرى ۋە ئۆلۈمىدىن كېيىنكى خەلىپىسى بولىسەن،- دەپ ئۇنىڭغا خۇش بېشارەت بەرگەنىدى. ئۇ، بۇ ئىشنى سىر سۈپىتىدە ساقلىغانىدى.

رەسۇلۇللاھقا ۋەھيى چۈشكەن ۋاقىتلاردا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىدى. شۇڭا قۇرەيشلەر دەرھال ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ:

ــ ئى ئەبۇبەكرى! قارىغىنا، دوستۇڭ نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ؟ ـ دېيىشتى. ئەبۇبەكرى:

ــ نېمە بولدى؟ ـ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار:

ــ كەئبىدە ئولتۇرۇۋېلىپ خەلقنى بىر اﷲ قا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىۋاتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋاتىدۇ، ـ دېيىشتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇلاردىن:

ــ بۇ راستمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. ئەتراپىدىكىلەر:

ــ ھەئە، شۇنداق! ـ دېيىشتى. ئەبۇبەكرى دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئىشىكىنى قاقتى ۋە ئۇنى سىرتقا چاقىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىرتقا چىققاندا ئۇنىڭدىن:

ــ ئى قاسىمنىڭ دادىسى! سېنىڭ ھەققىڭدىكى شۇ سۆز ـ چۆچەكلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى نېمە؟ ماڭا بۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسەڭ! ـ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “ئى ئەبۇبەكرى! مېنىڭ ھەققىمدە نېمە ئاڭلىدىڭ؟” دېدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى:

ــ خەلقنى بىر اﷲ قا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغانلىقىڭنى ۋە ئۆزەڭنى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى دېگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم، ـ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: “ئى ئەبۇبەكرى! رەببىم مېنى توغرا يولدا بولغانلارغا خۇش ـ بېشارەت بېرىشكە ۋە خاتا يولدا بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا ئەۋەتتى. مەن ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىگە ئوخشاش دەۋەت بىلەن بارلىق ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلدىم.”

بۇ سۆزلەرنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ تۇرغان ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى:

ــ اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ يالغان گەپ قىلغانلىقىڭنى پەقەت بىلمەيمەن. سەن ئامانەتكە بولغان سادىقلىقىڭ، يېقىنلىرىڭغا كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭ ۋە قىزغىن مۇئامىلەڭ بىلەن پەيغەمبەر بولۇشقا ھەقىقەتەن لايىق سەن. قولۇڭنى بەرگىن! ساڭا بەيئەت قىلىمەن، ساڭا ئىشىنىمەن، ئىمان ئېيتىمەن.

ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىندۇ:

ــ مۇھەممەد! سېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىڭنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىلىڭ بارمۇ؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “سېنىڭ شامدا كۆرگەن چۈشۈڭ” دېۋىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ پىشانىسىگە سۆيدى ۋە:

ــ شاھادەت ئېيتىمەنكى، اﷲ دىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، سەن ھېچ شۈبھىسىز ئۇنىڭ ئەلچىسى سەن! ـ دېدى.

ئەبۇنائىم ۋە ئىبنى ئەسەقىرلار ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنىدى: “خەلقنى ئىسلامغا دەۋەت قىلسام، ھېچكىم ماڭا قۇلاق سالمىدى ۋە سۆزلىرىمنى رەت قىلدى. ئەمما ئەبۇقۇھافە (ئەبۇبەكرى) گە نېمە دېسەم، شۇنى قوبۇل قىلدى ۋە ھەر ئىشنى تولۇق بەجا كەلتۈردى.”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مۇسۇلمان بولغاندىن باشلاپ تاكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغىچە ھەر دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھەج ۋە ئەسكىرىي يۈرۈشلەرنى تاپشۇرغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا، مەيلى تىنچلىق ۋاقىتلىرى بولسۇن ياكى سەپەرلەردە بولسۇن، ھېچقاچان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ قالمىدى. جەڭلەردە، مۇھىم ۋەقەلەردە ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھىجرەت قىلدى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش ۋە ھەق دەۋاسى يولىدا ئۇنىڭ بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئائىلىسىنى يالغۇز تاشلاپ قويدى، غاردىكى ناھايىتى خەتەرلىك پەيتلەردە يەنە ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى. اﷲ تائالا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئەھۋالىنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلەيدۇ: (ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، اﷲ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دېدى.(

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ قېتىم يار ـ يۆلەك بولغان ۋە قىيىن كۈنلەردە ئۇنىڭغا ئاجايىپ ساداقەتمەنلىك كۆرسەتكەنىدى. بولۇپمۇ، ھەممە ئادەم ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كەتكەن ئوھۇد ۋە ھۇنەين جەڭلىرىدە قەھرىمانلارچە ئېلىشىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېندىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىغانىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مەرت ۋە ئەڭ جەسۇرلىرىدىن بىرى ئىدى. قاتتىق جەڭلەردە ئۆز ئورنىدىن ھەرگىز ئايرىلماي، بار كۈچى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا تىرىشاتتى. شۇڭا ئۇ ھەزرىتى ھەمزە، ھەزرىتى ئەلى، زۇبەير ئىبنى ئەل ئاۋام ۋە ئەبۇدۇجانەلەردەك دۈشمەن سېپىگە بۆسۈپ كىرىشكە پۇرسەت تاپالمىغانىدى ۋە جەڭلەردە دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە نامى ئۇلارنىڭكىدەك كۆپ يېيىلمىغانىدى. چۈنكى ئۇرۇش قەھرىمانلىرى ئۆزلىرى ئۆلتۈرگەن ۋە ئەسىرگە ئالغان دۈشمەن سانىنىڭ ئاز ـ كۆپلىكىگە قاراپ داڭق چىقىراتتى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ جەڭلەردىكى ئەھۋالى باشقا ئىسلام قەھرىمانلىرىنىڭكىدىن پەرقلىق ئىدى. چۈنكى ئۇ ھەردائىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنى قەھرىمانلارچە قوغدايتتى، ئۇنىڭغا يۈزلەنگەن ھۇجۇملارغا ئۆز بەدىنىنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتەتتى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بەكمۇ پەزىلەتلىك ۋە ھەددىدىن زىيادە مەرد ئىدى. مال ـ بايلىقىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يولىغا قىلچە ئىككىلەنمەي سەرپ قىلىۋېتەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ھەققىدە مۇنۇ ئايەت چۈشكەنىدى: (پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ.(

ئەھمەد ئبنى ھەنبەلنىڭ ئەبۇھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مۇنداق دېگەنىدى: “ھېچبىر مال ماڭا ئەبۇبەكرى بېغىشلىغان مالدەك يارىمىدى.”

بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئەبۇبەكرى كۆزلىرى ياشاڭغىرىغان ھالدا:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! مېلىم ۋە جېنىمنى پىدا قىلغىلى سەندىن ياخشىراق بىرى بارمىدى؟! ـ دېدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مۇسۇلمان بولغان ۋاقىتتا 40 مىڭ دىنارى بار ئىدى. ئۇ بۇ بايلىقىنىڭ ھەممىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاپشۇرۇلغان ئىسلام دەۋاسى ئۈچۈن ئاتىۋەتتى. ھىجرەت قىلغان كۈنى ئۇنىڭ قولىدا بەش مىڭ دىنارىدىن باشقا ھېچنېمىسى قالمىغانىدى.

ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: “بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى مال سەدىقە قىلىشقا بۇيرىدى. دەل شۇ چاغلاردا قولۇمدا ناھايىتى كۆپ بايلىق بار ئىدى. مەن ئۆز ـ ئۆزەمگە: ــ ئەگەر پەزىلەتتە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىر كۈنۈم بار بولسا، بۈگۈن شۇ كۈننىڭ دەل ئۆزىدۇر، ـ دېدىم ۋە مېلىمنىڭ يېرىمىنى ئاتىماقچى بولدۇم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا:

ــ ئائىلەڭگە بىر نەرسە ئېلىپ قويدۇڭمۇ؟ ـ دېدى. مەن:

ــ مېلىمنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ قويدۇم، ـ دېدىم. ئاندىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى كېلىپ مېلىنىڭ ھەممىسىنى ئاتىۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىنمۇ:

ــ ھەي ئەبۇبەكرى! ئائىلەڭگە نېمە قويۇپ قويدۇڭ؟ ـ دەپ سورىدى. ئەبۇبەكرى:

ــ ئۇلارغا اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ رەسۇلىنى قويۇپ قويدۇم، ـ دەپ جاۋاب بەردى. شۇ چاغدا مەن: ــ دېمەككى، ئەبۇبەكرىدىن ئېشىپ كېتەلمىگۈدەكمەن، ـ دېدىم.”

تىرمىزىنىڭ ئەبۇھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنىدى:

“كىم بىزگە بىر ياخشىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا لايىقىدا ياخشىلىق قىلىۋاتىمىز. ئەمما ئەبۇبەكرىگە ئۇنداق قىلالمىدۇق. ئۇ شۇنداق ياخشىلىقلارنى قىلدىكى، ئۇنىڭ ئەجرىنى پەقەت اﷲ تائالا قىيامەت كۈنى ئېھسان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېچكىمنىڭ مېلى ئەبۇبەكرىنىڭ مېلىدەك پايدىلىق بولۇپ باقمىدى.”

ئىسلام دەۋىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ھەزرىتى ئوسمان، زۇبەير ئىبنى ئەل ئەۋام، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، ساد ئىبنى ئەبۇۋەققاس ۋە تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ قاتارلىق مەشھۇر ساھابىلار ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ۋەسىلىسى بىلەن مۇسۇلمان بولغان ئىدى. بۇلار ئەڭ دەسلەپكى مۇسۇلمانلار بولۇپ، ئۇلاردىن كېيىن ئوسمان ئىبنى مەزئۇن، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ، ئەرقەم ئىبنى ئەبۇل ئەرقەم ۋە ئەبۇ سەلەمە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇل ئەسەد قاتارلىق ساھابىلار مۇسۇلمان بولدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھويلسىدا ئۆزى ئۈچۈن كىچىك بىر مەسچىد ياسىۋالغانىدى. ئۇ يەردە ناماز ئوقۇيتتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلاتتى. ئەتراپتىكى قوشنىلار بېشىغا توپلىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ ناماز ئوقۇشىنى تاماشا قىلىپ، قۇرئان ئاۋازىنى تىڭشايتتى، ئۇ ئەسنادا تۆككەن كۆز ياشلىرىنى كۆرەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالى بىر مۇنچە كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خوجايىنىدىن زۇلۇم كۆرگەن قۇللارنى كۆرسىلا، ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ئازادلىققا چىقىراتتى ۋە بۇنى پەقەت اﷲ رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلاتتى. بىر كۈنى، ئۇ ئامىر ئىبنى فۇھەيرە ئىسىملىك بىر قۇلنى ئۇنىڭ خوجايىنى تۇفەيل ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھارىستىن سېتىۋېلىپ، ئازادلىققا چىقاردى. تۇفەيل ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئۆگەي ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ ئايالى ئۇممۇ رۇماننىڭ باشقا ئەردىن بولغان ئوغلى ۋە ھەزرىتى ئائىشەنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى ئىدى. ئامىر ئىسىملىك قۇل بولسا، تۇنجى بولۇپ ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە اﷲ غا ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈن قاتتىق زۇلۇم چەككەنلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ كېيىنچە بەدرى ۋە ئۇھۇد جەڭلىرىگە قاتناشتى، بىئرى مەئۇنە پاجىئەسى ۋاقتىدا شېھىت بولدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلال ئىبنى رەبباھ (بىلال ھەبەشى) نىمۇ خوجايىنىدىن سىتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقاردى. بىلال ئۇمەييە ئىبنى ھەلەف جەمىھنىڭ قۇلى بولۇپ، خوجايىنى ئۇنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە قىينىغان ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنى بەش ئوققا (1283 گرامغا تەڭ بىر خىل ئېغىرلىق ئۆلچىمى) ئالتۇن بېرىپ سېتىۋالدى. ئالتۇننى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن ئۇمەييە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە:

ــ ئەگەر چىڭراق تۇرغان بولساڭ، ئۇنى ساڭا بىر ئوققا ئالتۇنغىمۇ سېتىپ بەرگەن بولاتتىم، ـ دېگەندە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا:

ــ ئەگەر سەن چىڭ تۇرغان بولساڭ، ئۇنى يۈز ئوققا ئالتىنغىمۇ سېتىۋالغان بولاتتىم، ـ دەپ جاۋاب بەردى.

بىلال ھەبەشى ئىسلامغا ناھايىتى ئىخلاسمەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئەززىنى ئىدى. ئۇ بەدرى ۋە باشقا مۇھىم جەڭلەرنىڭ ھەممىسىگە تولۇق قاتناشتى.

ھىجرىيەنىڭ 20 ـ يىلى شامدا ۋاپات بولدى. ئۇمەييە بولسا، ئىچىگە ئورناپ كەتكەن شېرىك ئەقىدىسىدە چىڭ تۇردى ۋە بەدرى غازىتى كۈنى ئۆلتۈرۈلدى.

ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى زەننىرە ئىسىملىك بىر دېدەكنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىمۇ ئازاد قىلىۋەتتى. بۇ ئايال ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تېخى مۇسۇلمان بولمىغان ۋاقتىدىكى دېدىكى ئىدى. زەننىرە ئىسلامنى قوبۇل قىلغاچقا، ئۆمەر ئۇنى ئۇرۇپ ـ دۇمبالايتتى. ئۇ تاياقنىڭ دەستىدە كۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. قۇرەيشلەر: “ئۇنى لات ۋە ئۇززا ئۇردى (بۇ ئىلاھلىرىمىز ئۇنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ قويدى)” دېيىشتى. ئەمما ئۇ كۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ: “اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىش سىلەر دېگەندەك ئەمەس، لات ۋە ئۇززا ئۆزلىرىگە ئىبادەت قىلغانلارنىمۇ تونۇمايدىغان جانسىز نەرسىلەردىن ئىبارەت. ئەگەر رەببىم خالىسا، كۆزلىرىمنى قايتا كۆرەلەيدىغان قىلىپ قويۇشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر!” دەپ ئۇلارغا رەددىيە بېرىشتىن يانمىدى. اﷲ تائالا ئۇ كېچىسى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە شىپالىق بەردى. بۇ ۋەقەنى كۆرگەن قۇرەيشلەر بۇ قېتىم: “بۇ مۇھەممەدنىڭ سېھىر ئىشلىتىشى بىلەن بولدى” دېيىشتى. شۇ ئىشتىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە ئېرىشتۈردى.

قۇرەيشلەر ئىسلامغا بولغان نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىشەتتى: “ئەگەر بۇ خەيرلىك بىر دەۋا بولغان بولسا، زەننىرەدەك بىرى بىزدىن بۇرۇن ئۇنىڭ تەرەپدارى بولمىغان بولاتتى!” اﷲ تائالا قۇرئاندا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ( كاپىرلار مۆئمىنلەرگە: «ئەگەر (قۇرئان بىلەن ئىسلام دىنى) ياخشى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار (يەنى ئاجىز مۇسۇلمانلار) ئۇنىڭغا بىزدىن بۇرۇن ئىشەنمىگەن بولاتتى» دېدى. (

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى يەنە ھەزرىتى ئۆمەر تەۋە بولغان بەنى ئادىي ئائىلىسىدىن مۇسۇلمان بىر دېدەكنى سېتىۋېلىپ، ئازادلىققا چىقاردى. ئۆمەر مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغىمۇ زۇلۇم سېلىپ، ئىسلامدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى دائىم ئۇراتتى.

ئۇندىن باشقا، بەنى ئابدۇشەمس ئائىلىسىنىڭ بىر دېدىكىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىمۇ ئازادلىققا چىقاردى.

ساھابىلار ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەڭ كۆپ مۇداپىئە قىلغىنى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بولۇشى مۇمكىن. ھەزرىتى ئەلى مۇنداق دەيدۇ: “دادام ۋاپات بولۇپ، ئۇچ كۈندىن كېيىن قۇرەيشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلىشتى. ئۇ كۈنى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن باشقا ھېچكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم قىلمىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئۆرۈمىسى بار بولۇپ، ھۇجۇم قىلىپ كەلگەنلەرنى شۇنىڭ بىلەن يىراقلاشتۇراتتى. بىرىنى تۈرتۈپ، يەنە بىرىنى تارتقان ھالدا: “رەببىم اﷲ دۇر دېيىشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان ۋە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلتۈرگەن بىرىنى ئۆلتۈرمەكچىمۇسىلەر؟” دەپ ئۇلارغا رەددىيە بېرەتتى. شۇ ئەسنادا، ھۇجۇمچىلار ئۇنىڭ ئۆرۈمىلىرىدىن بىرىنى پارچىلاپ تاشلىدى.

بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دەيدۇ:

“مەن ئېسىمنى بىلسەم، دادام بىلەن ئانام مۇسۇلمان ئىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كۈنى ئىككى قېتىم (ئەتىگەن ۋە ئاخشىمى) بىزنىڭ ئۆيگە يولۇقۇپ تۇراتتى. مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇمى چىدىغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتكەندە، دادام ئەبۇبەكرى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن مەككىدىن ئايرىلدى.

ئۇ “بەرقۇل غەمەد” دېگەن يەرگە كەلگەندە، قەررا رايونىنىڭ بېگى مالىك ئىبنى دەغنەگە يولۇقۇپ قالدى. ئۇ ئادەم:

ــ ھەي ئەبۇبەكرى! نەگە ماڭدىڭ؟ ـ دەپ سورىدى. ئەبۇبەكرى:

ــ خەلقىم مېنى ئۆز يۇرتۇمدىن قوغلىدى.

بىر بېشىمغا جاھاننى ئايلانغاچ اﷲ غا خاتىرجەم ئىبادەت قىلىۋالغىلى ماڭدىم، ـ دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلىغان ئىبنى دەغنە:

ــ ئى ئەبۇبەكرى! سەندەك بىرى ئۆز يۇرتىدىن قانداقمۇ قوغلانسۇن؟ سەن پېقىرلارنى كىيىندۈرىسەن، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭغا كۆڭۈل بۆلىسەن، يېتىم ـ يېسىرلارغا ياردەم قولۇڭنى سۇنىسەن، مېھماندوست ۋە ھەق تەرەپدارى تۇرساڭ؟! مەن ساڭا كېپىل بولاي، ساڭا ھېچكىم چېقىلالمايدۇ. سەن كەينىڭگە قايت ۋە رەببىڭگە ئۆز يۇرتۇڭدا ئىبادەت قىل! ـ دەپ ئۇنى مەككىگە قايتۇرۇپ كەلدى. شۇ كۇنى كەچتە قۇرەيش چوڭلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا:

ــ ماڭا قاراڭلار! ئەبۇبەكرىدەك بىرىنى ئۆز يۇرتىدىن قوغلاشقا بولمايدۇ. سىلەر پېقىرنى كىيىندۈرىدىغان، خىش ـ ئەقرىبالىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، يېتىم ـ يېسىرلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغان، مېھماندوست ۋە ھەق تەرەپدارى بولغان مۇنداق ئۈلگىلىك كىشىنى ئۆز يۇرتىدىن قوغلىۋېتىشكە قانداق پېتىندىڭلار؟! ـ دەپ ئۇلارنى ئەيىبلىدى. قۇرەيشلەر ئۆز كۆڭۈللىرىدە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا:

ــ ئەبۇبەكرىگە ئېيتىپ قوي! ئۇ ئىبادىتىنى ئۆيىدە قىلسۇن، بىر نېمە ئوقۇسىمۇ ئۆيىدە ئوقۇسۇن. ئەمما بۇ ئىشلارنى سىرتتا، ئاشكارا قىلىپ بىزنىڭ ئارامىمىزنى بۇزمىسۇن! بىز ئايال ـ بالىلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا قاراپ يولدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمىز، ـ دېيىشتى. ئىبنى دەغنە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەبۇبەكرىگە يەتكۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەبۇبەكرى ئىبادىتىنى ئۆيىدە مەخپىي داۋاملاشتۇردى. ئۆيىنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق نەرسە ئوقۇمايتتى. ئەمما بۇ زۇلۇملار قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى قاتتىق ئازابلىنىدىغان ۋە كۆزلىرىدىن توختىماي ياش تۆكىدىغان قىلىپ قويدى. قۇرئان ئوقۇغانسېرى ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالى قۇرەيش چوڭلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ئۇلار تەكرار ئىبنى دەغنەگە ئادەم يوللىدى. ئۇ چاقىرىققا بىنائەن يېتىپ كەلدى. قۇرەيشلەر ئۇنىڭغا:

ــ ئەي ئىبنى دەغنە! بىز سېنىڭ كېپىللىقىڭدا بولغاچقا، ئۇنى پەقەت ئۆيىنىڭ ئىچىدە ئىبادەت قىلىش شەرتى بىلەن ئارىمىزغا قوبۇل قىلغانىدۇق. ھالبۇكى، ئۇ چەكتىن ئېشىپ ئۆيىگە بىر مەسچىد سېلىۋېلىپ، ئۇ يەردە ئوچۇق ـ ئاشكارا ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ، ئۈنلۈك ئاۋازدا قۇرئان ئوقۇۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭ بالا ـ چاقىمىزنى يولدىن چىقىرىۋېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتىمىز. سەن دەرھال ئۇنى توسقىن! ئەگەر ئىبادىتىنى ئۆيىنىڭ ئىچىدە، مەخپىي قىلسا، ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەيمىز. ئەكسىچە قىلىدىغان بولسا، ئۇ پاناھلىق تەلىپىنى ياندۇرىۋالسۇن، بىز ساڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنى خالىمايمىز. ئەمما ئۇنىڭ ئوچۇق ـ ئاشكارا ئىبادەت قىلىشىغا يول قويمايمىز! ـ دېيىشتى. ئىبنى دەغنە ئەبۇبەكرىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:

ــ ساڭا قايسى شەرتلەر بىلەن كېپىللىق قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. سەن يا ئۇ شەرتلەرگە بويسۇن ياكى ماڭا قىلغان پاناھلىق تەلىپىڭنى قايتۇرىۋالغىن! چۈنكى مەن ئەرەب خەلقىنىڭ (باشقىلارنىڭ مېنىڭ ھىمايەمدىكى بىرىگە زىيانكەشلىك قىلىشى ئارقىلىق) ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىشىنى خالىمايمەن، ـ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى:

ــ ئۇنداقتا مەنمۇ سېنىڭ كېپىللىقىڭدىن چىقىپ، بىر اﷲ نىڭ كېپىللىقىغا ئۆتتۈم، ـ دېدى.”

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ مەزگىللەردە مەككىدە ئىدى. مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان بېسىمى قاتتىق ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. شۇ كۇنلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەدىنە ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق ئەقەبە ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى.

بۇ، ھىجرەتتىن بىر يىل بۇرۇن، زۇلھەججە ئېيىنىڭ 12 ـ كۈنى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن مەككە مۇسۇلمانلىرىغا مۇنداق دېدى: “سىلەر ھىجرەت قىلىدىغان يۇرتنىڭ ئىككى سايلىقنىڭ ئارىسىدا بۈك ـ باراقسان خورمىلىقى بولغان بىر دىيار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.” شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئاستا ـ ئاستا مەدىنىگە قاراپ كۆچۈشكە باشلىدى. ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلارمۇ، كېيىنچە، مەدىنىگە قايتىپ ئۇلارغا قېتىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېلىپ قالغان ساھابىلىرىنىڭمۇ ھىجرەت قىلىشىغا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېدى:

“اﷲ تائالا سىلەرگە خاتىرجەم ياشايدىغان يۇرت ۋە بىرمۇنچە مۇسۇلمان قېرىنداش بەخش ئەتتى.” ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان مۇسۇلمانلار توپ ـ توپ بولۇپ يولغا چىقىپ، مەككىدىن ئايرىلىپ مەدىنىگە كۆچتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى اﷲ دىن رۇخسەت كېلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى. مەككىدە پەقەت قاماققا ئېلىنغان ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئالدانغان مۇسۇلمانلارلا قالغانىدى. ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ھەزرىتى ئەلىمۇ تېخى ھىجرەتكە چىقمىغانىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھىجرەتكە چىقىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر قانچە قېتىم رۇخسەت سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: “ئۈمىدىم شۇكى، ماڭىمۇ اﷲ دىن رۇخسەت كېلىپ قالار” دېۋىدى، ئۇ: “ئاتا ـ ئانام ساڭا پىدا بولسۇن! سەنمۇ ھىجرەت قىلماقچىمۇ؟” دەپ سۆيۈنۈپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “ھەئە” دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن، بالدۇر يولغا چىقىشتىن ۋاز كەچتى ۋە دەرھال يېنىدىكى ئىككى تۆگىگە قۇمۇش پۆپىكىدىن قىلىنغان يەمنى كۆپلەپ بېرىپ، سەپەرگە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى.

نىھايەت، رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ باشلىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ھىجرەت قىلىشى ئۈچۈن اﷲ تەرىپىدىن رۇخسەت كەلدى. شۇ كۈنى ئادىتىنى بۇزۇپ، چۈش ۋاقتى بىلەن ئەبۇبەكرىنىڭ يېنىغا كىردى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادەتتە ئەتىگەن ۋە ئاخشام ۋاقىتلىرىدىلا ئۇنىڭغا يولۇقۇپ ئۆتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رۇخسەتنىڭ ۋەھيى ئارقىلىق كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭدىن: “دادام ساڭا پىدا بولسۇن! بىللە ماڭامدۇق؟” دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “شۇنداق” دېگەنىدى، ئەبۇبەكرى خۇشاللىقىدىن كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى ۋە: “ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! شۇ ئىككى ئۇلاقتىن بىرنى تاللىغىن” دېدى ۋە ياخشىسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، مىنىشكە تەكلىپ قىلدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “مەن مېنىڭ بولمىغان نەرسىگە مىنەلمەيمەن” دەپ ئەبۇبەكرىنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى يالۋۇرغان ھالدا: “بۇ سېنىڭكى، ئى رەسۇلۇللاھ!” دېسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “بۇنى قانچىلىك پۇلغا ئالغان بولساڭ، مەن شۇ پۇلنى تۆلىمەي تۇرۇپ مىنەلمەيمەن” دېدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى: “مۇنچىلىك پۇلغا ئالغانتىم” دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنچىلىك پۇلنى تۆلىگەندىن كېيىن، ئاندىن تۆگىنى قوبۇل قىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ شۇنچىلىك چوڭقۇرلۇقىغا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ پۈتۈن مال ـ بايلىقىنى ئىسلام دەۋاسى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەنلىكىگە ۋە بۇ يولدا قانچىلىك مال سەرپ قىلغانلىقىغا قارىماي، بىر مۇسۇلماننىڭ ئىشلىگۈدەك كۈچى بولسىلا، باشقا بىر مۇسۇلمانغا يۆلىنىۋېلىشىنى، بولۇپمۇ، بىر رەھبەرنىڭ ئۆز قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئەجىر ـ مېھنىتىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرۈشىنى ياقتۇرمىغاچقا، ئۆزىنىڭ شۇنداق ئىشقا دۇچ كېلىپ قېلىشىنى پەقەتلا خالىمايتتى، شۇنداقلا، بۇ جەھەتتىمۇ پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئۈلگە بولغان ئىدى.

تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمراھى بىلەن بىرلىكتە سەۋر غارىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار ئۆزلىرىگە يول باشلىماقچى بولغان ئابدۇللاھ ئۇرەيقىد بىلەن ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇچرىشىشقا كېلىشتى. ئۇلارنىڭ ئىككى تۆگىسىمۇ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغانىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى يولدا بىردەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ماڭسا، بىردەم كەينىدە قالاتتى ۋە بەزىدە بىر دەم ئوڭ، بىردەم سول تەرىپىگە ئۆتۈپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ماڭاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھولۇقۇشىنى سەزگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “ئى ئەبۇبەكرى! نېمانچىۋالا ھولۇقۇپ كېتىسەن؟ مەن سېنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭنى ھېچ كۆرمىگەنىدىم” دېدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى:

“ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! ئالدىمىزدىن بىرى ھۇجۇم قىلىپ كېلەرمىكىن دەپ ئالدىغا ئۆتتۈم، ئارقاڭدىن بىرى پايلاپ كېلىۋاتقان بولسا دەپ كەينىگە چېكىندىم، بەزىدە ئوڭ ۋە بەزىدە سول تەرىپىڭدە مېڭىپ، سېنى يان تەرەپتىن قوغداشنى ئويلاشتىم. ساڭا بىر يامانلىق كېلىپ قالارمىكىن دەپ قورقۇۋاتىمەن، قالغىنىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ” دېدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى غارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن كىرىپ، ئىچىنى تازىلاپ تۈزەشتۈردى. غارنىڭ تاملىرىدا بىر قانچە تۆشۈك بار ئىدى، ئەبۇبەكرى سىرت كىيىملىرىنى يىرتىپ، تۆشۈكلەرنى ئەتتى. ئەمما ئىككى تۆشۈك ئوچۇق قالدى. ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىچىگە چاقىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىرگەندىن كېيىن، ئەبۇبەكرىمۇ ئولتۇرۇپ، ئايىقى بىلەن ئوچۇق قالغان تۆشۈكلەرنى ئەتتى. ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېشىنى ئۆزىنىڭ قۇچىقىغا قويۇپ يېتىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىشىنى ئۆتۈندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلدى ۋە ئۇيقۇغا كەتتى.

دەل شۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ پۇتىنى چايان چاقتى. ئەمما ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راھىتىنى بۇزماسلىق ۋە ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئورنىدىن قىمىلدىمىدى. لېكىن پۇتى قاتتىق ئېچىشىپ كەتكەنلىكتىن كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك يۈزىگە تامچىپ كېتىپ، ئۇنى ئويغىتىۋەتتى.

“نېمە بولدۇڭ؟ ئى ئەبۇبەكرى!” دەپ ھەيرانلىق بىلەن سورىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى: “ئاتا ـ ئانام ساڭا قۇربان بولسۇن! مېنى چايان چېقىۋالدى، ئى رەسۇلۇللاھ!” دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ، چايان سوققان يەرگە تۈكۈرىۋىدى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئاغرىقى دەرھال بېسىقىپ، جېنى راھەتلىنىپ قالدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ھەر ئاخشىمى غارغا كېلىپ، كېچىنى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزەتتى ۋە تاڭ ئاتماستىنلا مەككىگە قايتاتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ كېچىنى مەككىدە ئۆتكۈزگەن قىياپەتكە كىرىۋالاتتى. كۈندۈزلىرى خەلقنىڭ گەپ ـ سۆزلىرىنى تىڭ ـ تىڭلاپ، مەلۇمات توپلايتتى ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئاخشىمى ئۇلارغا يەتكۈزەتتى.

ئامىر ئىبنى فۇھەيرەمۇ قويلىرىنى سېغىپ، مۇۋاپىق ۋاقىتلاردا ئۇلارغا سۈت توشاتتى. ئۈچ كۈن مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى.

ئۈچىنچى كۈنى سەھەردە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىد ئىككى تۆگىنى ئېلىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ قىزى ئەسمامۇ ئۇلارغا سەپەر ئوزۇقى ئېلىپ كەلگەنىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يانلىرىغا ئامىر ئىبنى فۇھەيرەنىمۇ ئېلىپ مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مەدىنىگە بېرىپلا بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. ھەزرىتى ئائىشە دادىسىدىن ھال سوراپ كەلگەندە، ئۇ:

ئۆز يۇرتىدا ئەزىزدۇر كىشى،

ھەركىمگە كېلىدۇ بۇ ئۆلۈم ئىشى.

دەپ ئۆز ھەسرىتىنى بايان قىلدى. ھەزرىتى ئائىشە دادىسىنىڭ مەككىگە بولغان بۇ سېغىنىشلىق سۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “ئى رەببىم! مەدىنىنى بىزگە مەككىدەك، ھەتتا ئۇنىڭدىمۇ بەكرەك سۆيۈملۈك قىلغىن. بۇ يەردىكى ھاياتىمىزغا سالامەتلىك ئاتا قىلغىن. بىزگە سا ۋە مۇدنى مۇبارەك قىلغىن. بەزگەكنى ئەبۇبەكرىدىن ئېلىپ، جۇھفەگە بەرگىن!” دەپ دۇئا قىلدى.

يولباشچى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىد مەدىنىدىن مەككىگە قايتقاندا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھقا دادىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. شۇنىڭ بىلەن، ئابدۇللاھ پۈتۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەزىرىدە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئالاھىدە ئورنى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدرى كۈنى ساھابىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندە، ئۇ ناھايىتى ياخشى بىر پىكىر ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇرۇش ۋاقتىدا قىلىچىنى قولىغا ئېلىپ، جان ـ جەھلى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغدىدى.

ھەزرىتى ئەلى بىركۈنى جامائەتكە خىتاب قىلىۋېتىپ، ئۇلاردىن:

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەلى بىركۈنى جامائەتكە خىتاب قىلىۋېتىپ، ئۇلاردىن:”

ــ سىلەر تونۇيدىغان ئەڭ يۈرەكلىك ئىنسان كىم؟ ـ دەپ سورىدى. جامائەت ئۇنىڭغا:

ــ ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سەن ئەڭ يۈرەكلىك ئىنسانسەن، ـ دېيىشتى. ئەمما ھەزرىتى ئەلى:

ــ مېنى ئېلىپ ئېيتساق، مەن كىم بىلەن دوغا چۈشسەم، ئۇنى مۇھەققەق يېڭىپ كەلدىم. ئەمما مەن تونۇيدىغان ئەڭ يۈرەكلىك ئىنسان ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدۇر، بەدرى كۈنى، ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قالقان بولغان ئىدى. كېيىنچە ساھابىلەردىن: “مۇشرىكلارنىڭ ھۇجۇمىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كىم قوغدايدۇ؟” دەپ سورىۋىدۇق. اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى تېخى ھېچكىم ئاغزىنى ئاچماي تۇرۇپلا قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى.

بەدرى غازىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ناھايىتى چوڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئىسلام مۇجاھىدلىرى قۇرەيشلەرنىڭ ئەڭ سەرخىللىرىدىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە شۇنچىلىكىنى ئەسىرگە ئالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەسىرلەر ھەققىدە ساھابىلىرى بىلەن كېڭەشتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: “ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! بۇلار بىزنىڭ تاغىلىرىمىزنىڭ ئوغۇللىرى، يېقىنلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز. مەنچە بۇلاردىن فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بىرەيلى. بەلكىم بۇلاردىن ئالىدىغان مال بىلەن خېلى كۈچلىنىپ قالارمىز. ئەگەر اﷲ بۇلارغا ھىدايەت ئاتا قىلىپ قالسا، تېخىمۇ چوڭ پايدىغا ئىرىشكەن بولىمىز.”

ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋۋال قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىش تەرەپدارلىرى ئىدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ پىكرىنى مۇۋاپىق كۆردى ۋە مۇشرىكلاردىن فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بەردى.

ئەتىسى، ھەزرىتى ئۆمەر رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىردى ۋە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن ئىككىسىنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇ ئىشقا ھەيران بولغان ھەزرىتى ئۆمەر:

ــ ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! نېمىگە يىغلايسىلەر؟ يىغاڭلارنىڭ سەۋەبىنى ماڭىمۇ ئېيتىڭلار، ئەگەر يىغلىغۇدەك ئىش بولسا، مەنمۇ يىغلاي. ئەگەر يىغلىيالمىساممۇ، بىر ئامال قىلىپ يىغلاشقا تىرىشاي، ـ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا يېقىنلا يەردە تۇرغان بىر تۈپ دەرەخنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: “سىلەرنىڭ جازاغا تارتىلىشىڭلارغا شۇ دەرەختىنمۇ يېقىن بىر ئارىلىق قالدى. چۈنكى اﷲ تائالا: (پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپ ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆئمىنلەر!) سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، اﷲ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. اﷲ نىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزىلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار. (ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىمەت ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، اﷲ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش)دىن قورقۇڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر.( دىگەن ئايەتنى چۈشۈردى” دېدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئوغلى ئابدۇرراھمان بەدرى غازىتىغىچە ئىمان ئېيتمىغان بولۇپ، جەڭ بولغان كۈنى ئۇ مۇشرىك جەڭچىلىرىنىڭ سېپىدا يەر ئالغانىدى. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن دادىسىغا: “بىر قېتىم سەن دەل مەن سېنى ئۇرالايدىغان يەرگە كېلىپ قالغانىدىڭ، ئەمما مەن سېنى ئۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنى ـ بۇنى قىلىپ سەندىن يىراقلاشتىم” دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇبەكرى: “ئەگەر سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولغان بولسام، كۆزۈمنى يۇممايلا سېنى ئۇرغان بولاتتىم” دېدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئىسلام ۋە بۇ دەۋا يولىدىكى ھېچبىر ئىشقا ھېسسىياتچان مۇئامىلە قىلمىغانىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىسلامدىن ئىبارەت ناھايىتى ئۇلۇغ دەۋاسى بار ئىدى ۋە ئوغلى بۇنىڭغا قارشى چىققان بىر مۇشرىك ئىدى. بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ماددىي مۇناسىۋەت ھەرقانچە كۈچلۈك بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بىر مۇسۇلمان بىلەن بىر مۇشرىكنىڭ ئارىسىدا ھەقىقىي سۆيگۈ ـ مۇھەببەتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. اﷲ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: (اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ اﷲ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى ــ ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ـ دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا اﷲ ئىماننى مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، اﷲ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، اﷲ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، اﷲ دىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار اﷲ نىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. (

ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئوھۇد جېڭىدىمۇ مۇشرىكلارغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى ۋە ئۇنى جان تىكىپ قوغدىدى.

كېيىن، بەنى مۇستەلىق قەبىلىسى ئۈستىگە يۈرۈش باشلاندى ۋە سەپەر جەريانىدا ھەزرىتى ئائىشەگە قىلىنغان ئۇ مەشھۇر بەتنام ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۆزىگە يىراق تۇغقان بولغان مىستەھ ئىبنى ئەساسە ئىسىملىك كەمبەغەل كىشىگە بۇرۇندىن تارتىپ كۆپ ياخشىلىق قىلغان ۋە ھەردائىم ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم قىلىپ كەلگەنىدى. ئەمما بۇ شەخسمۇ ئۇ كۈنكى پىتنىخورلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ ئىشقا ئاچچىقلانغان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى: “اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇندىن كېيىن مىستەھكە ھېچقانداق ياخشىلىق قىلمايمەن، ئۇنىڭ ئائىشە ھەققىدە قىلغان بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېچنېمە بەرمەيمەن” دەپ ئۇنىڭغا بولغان غەزەپ ـ نەپرىتىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن اﷲ تائالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:

(ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا (بىر نەرسە) بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، (ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) گۇناھىنى ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، اﷲ نىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.(

بۇ ئايەتنى ئاڭلىغان ئەبۇبەكرى: “ئەلۋەتتە اﷲ نىڭ ماڭا مەغپىرەت ئاتا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن” دېدى ۋە زامانىدا مىستەھكە قىلغان ياخشىلىقىنى قايتىدىن داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى. ئاندىن: “اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭغا قىلىدىغان ياردىمىمنى ئەمدى ھەرگىز ئۈزۈپ قويمايمەن” دەپ ۋەدە بەردى.

ھەممەيلەنگە ئايانكى، ھۇدەيبىيەدە تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەن مەزگىلدە، مۇسۇلمانلار كۆپلىگەن دىشۋارچىلىقلارغا يولۇققان ۋە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئېغىر شەرتلىرى ئاستىدا قىيىن كۈنلەرگە قالغان ئىدى. بىر كۈنى ھەزرىتى ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! سەن اﷲ نىڭ ئەلچىسى ئەمەسمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــ ئەلۋەتتە! بۇنىڭدا ھېچقانداق شەك يوق، ـ دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر يەنە:

ــ ئۇنداقتا، بىز ھەقلىق ۋە ئۇلار ھەقسىزمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق ئىكەن، بىز نېمە ئۈچۈن دۇنيانى دىنىمىزدىن ئەۋزەل كۆرىمىز؟ ـ دەپ بىرقانچە سوئال سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سوئاللىرىغا:

ــ مۇھەققەقكى، مەن اﷲ نىڭ بەرھەق ئەلچىسىمەن. مەن اﷲ نىڭ ھۆكۈملىرىگە قارشى چىقالمايمەن. ئەلۋەتتە! ئۇ ماڭا ياردەم بەرگۈچىدۇر، مېنى ئۈستۈن قىلغۇچىدۇر، ـ دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر ئاخىرىدا:

ـ ئۇغۇ شۇنداق، ئەمما سەن بىزنىڭ مەككىگە كېلىپ تاۋاپ قىلساق بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدىڭ؟ ـ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــ شۇنداق، ئەمما بۇ يىل ئۈچۈن چوقۇم دېمىگەندىمەن؟! ۋاقتى كەلگەندە ئەلۋەتتە كېلىپ تاۋاپ قىلىسەن، ـ دەپ ئۇنىڭ ئاچچىقىدىن يېنىشى ئۈچۈن تەسەللى بەردى.

ھەزرىتى ئۆمەر شۇ ئىشنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: “مەن ئەنە شۇ روھى ھالىتىم بىلەن ئەبۇبەكرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

ــ ئى ئەبۇبەكرى! بۇ بىر ھەق پەيغەمبىرى ئەمەسمۇ؟ ـ دەپ سورىدىم. ئۇ:

ــ شەك ـ شۈبھىسىز شۇنداق، ئى ئۆمەر! ـ دېدى. مەن:

ــ ئۇنداقتا، بىز ھەقلىق، دۈشمەنلىرىمىز ھەقسىز ئەمەسمۇ؟ نېمە ئۈچۈن دۇنيانى دىنىمىزدىن ئەۋزەل كۆرىمىز؟ ـ دېگەندەك سوئاللارنى سورىدىم. ئۇ ماڭا ئاچچىقلانغان ھالدا:

ــ ھەي ئۆمەر! شۇنى بىلگىنكى، ئۇ اﷲ نىڭ ھەقىقىي ئەلچىسىدۇر. ئۇ اﷲ نىڭ قانۇنلىرىغا قارشى چىقمايدۇ. اﷲ تائالا ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. سەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قەتئىي بويسۇن! ئۇ ھەق ۋە توغرا يولدىدۇر ، ـ دېدى.

مەن يەنە:

ــ رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ مەككىگە كىرىپ، كەئبىنى تاۋاپ قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتمىغانمىدى؟ ـ دەپ سورىدىم. ئۇ:

ــ بۇ يىل چوقۇم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىمۇ؟ ـ دەپ ئېتىراز بىلدۈردى. مەن:

ــ ياق، ـ دېدىم. ئۇ:

ــ ئۇنداقتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ھېچ شۈبھىسىزكى، مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن) كەئبىگە كىرىپ، ئۇنى تاۋاپ قىلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ، ـ دېدى.”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ھەزرىتى ئۆمەرگە بەرگەن جاۋابى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرگەن جاۋاب بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى.

ھىجىرىيەنىڭ يەتتىنچى يىلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى بەنى فەزارانىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان قوشۇنغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ بۇ ئەسكىرىي يۈرۈشتە چوڭ غەلىبە قازىنىپ، كۆپلىگەن غەنىمەت بىلەن ھېچقانداق چىقىمسىز قايتىپ كەلگەنىدى.

شۇنداقلا، تەبۇك غازىتىدا ۋە جەڭ ئەڭ قىززىغان ۋاقىتلاردا ئىسلام بايرىقى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ قولىدا بولاتتى.

ھۇنەين جېڭىدا مۇسۇلمانلار سان جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۆزلىرىدىن پەخىرلىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كەتكەنىدى. ھالبۇكى، ئادەم سانىنىڭ كۆپلۈكى ھېچقانداق ئىشقا يارىمىدى. جەڭ بولغان ۋادىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىن قىستاپ كەلگەن دۈشمەننىڭ چاپراس ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى ۋە قىلتاققا چۈشۈپ، ئوق يامغۇرى ئاستىدا كىيىك بالىسىدەك ھەر تەرەپكە قاراپ قېچىشقا باشلىدى.

دەل شۇ پەيتلەردە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەلى، ئابباس ئىبنى فازىل، ئەبۇسۇفيان ئىبنى ھارىس (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى)، ئۇنىڭ قېرىندىشى رابىئە ئىبنى ھارىس ۋە ئۇسامە ئىبنى زەيد قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي، ئۇنى قەھرىمانلارچە قوغدىدى.

بۇ دەسلەپكى ھولۇقۇشتىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئاستا ـ ئاستا ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋالدى ۋە ھەزرىتى ئابباسنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ھەممەيلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىپ، جەڭگە قايتا كىرىشىپ كەتتى. ئاخىرىدا، اﷲ تائالا ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىپ، مۇشرىكلارنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.

ھىجىرىيەنىڭ توققۇزىنچى يىلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى ھەج كارۋىنىغا ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى. بۇ ئىش، ئەبۇبەكرى تەبۇك غازىتىدىن قايتىپ تەخمىنەن ئۈچ ئايدىن كېيىن بولغان ئىدى. ھەج كارۋىنىدا 300 كىشى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا يىگىرمىگە يېقىن قۇربانلىق مال قوشۇپ قويدى. ئەبۇبەكرىمۇ بەش تۇياق مال ئېلىۋالغانىدى. ھاجىلار يولغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن، تەۋبە سۈرىسى نازىل بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال ھەزرىتى ئەلىنى جابدۇپ، بۇ سۈرىدىن 40 ئايەت بىلەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەۋەتتى.

ھەزرىتى ئەلى بۇ ئايەتلەرنى تەۋرىيە كۈنى، ھارپا كۈنى، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە نەفرى ئەۋۋەل كۈنى توپلانغان مۇسۇلمانلارغا ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خىتابىدىن كېيىن ئوقۇپ، ئېلان قىلدى.

بىر مەزگىللەردە، مەدىنە ئەتراپىدىكى قۇبە دېگەن يەرگە جايلاشقان ۋە ئەۋس قەبىلىسىنىڭ بىر ئايمىقى بولغان ئامىر ئىبنى بەنى ئەۋف ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئارىلىرىنى تۈزەپ قويۇش ئۈچۈن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، مۇئەززىنى بىلال ھەبەشىگە ئۆزىنىڭ نامازغا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىسە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى جامائەتكە ئىمام قىلىپ، نامازنى ئوقۇۋېرىشىنى تاپىلاپ قويدى. دەرۋەقە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقتىدا قايتىپ كېلەلمىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى جامائەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، نامازنى باشلاي دەپ تۇرۇشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىدكە كىرىپ كەلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرىگە نامازنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ۋە جامائەتنى قوزغىماسلىقى ئۈچۈن شۇنچە ئىما ـ ئىشارەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ھۆرمەت يۈزىسىدىن كەينىگە چېكىندى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىغا ئۆتۈپ، ئىماملىق قىلدى. ناماز ئاياغلاشقاندىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە:

ــ ئى ئەبۇبەكرى! ساڭا شۇنچە ئىشارەت قىلسام، نېمە ئۈچۈن نامازنى داۋاملاشتۇرمىدىڭ؟ ـ دەپ سورىدى. ئەبۇبەكرى:

ــ ئەبۇقۇھافەنىڭ ئوغلى اﷲ نىڭ ئەلچىسىگە ئىماملىق قىلشقا لايىق ئەمەس، ـ دەپ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ساداقىتى ۋە ھۆرمىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ ئۆتتى: “سىلەر ناماز ئوقۇۋاتقاندا (بەكمۇ جىددىي ۋە خەتەرلىك) بىر ۋەقەگە دۇچ كېلىپ قالساڭلار، يېنىڭلاردىكىلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن (ناماز ئوقۇۋاتقان) ئەر كىشى بولسا، يۇقىرى ئاۋازدا سۇبھاناللاھ دىسۇن، ئەگەر ئايال كىشى بولۇپ قالسا، چاۋاك بىلەن بىلدۈرسۇن!”

نەقىل قىلىنغان بىر ھەدىستە ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا، بىلال كىرىپ ئۇنى نامازغا چاقىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــ ئەبۇبەكرىگە دەڭلار، ئۇ جامائەتكە ئىمام بولۇپ بەرسۇن! ـ دېدى. مەن:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ئەبۇبەكرى بەكمۇ نازۇك بىر ئىنسان، ئۇ سېنىڭ ئورنۇڭغا ئۆتسە، ھاياجانلىنىپ كېتىپ، جامائەتكە ئاۋازىنى يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇيرۇق قىلساڭ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەزرىتى ئۆمەر ئىمام بولۇپ بەرسە بولمامدۇ؟ ـ دېدىم.

ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىسقا ھەم جىددىي تۈستە تەكرارلاپ:

ــ ئەبۇبەكرىگە دەڭلار، ئۇ جامائەتكە ئىمام بولسۇن! ـ دېدى. بۇ قېتىم ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قىزى ھەفسەدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مېنىڭ دېگەنلىرىمنى يەنە دېيىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئۇمۇ بېرىپ شۇ گەپنى قىلدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قېتىم تېخىمۇ جىددىيلەشكەن ھالدا:

ــ سىلەرمۇ يۇسۇفنىڭ ھەمراھىغا ئوخشايسىلەر (يۇسۇفنى يولدىن چىقارماقچى بولغان زۈلەيخاغا ئوخشايسىلەر دېمەكچى)، دەرھال ئەبۇبەكرىگە ئېيتىڭلار، جامائەتكە ئىمام بولسۇن! ـ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرىگە خەۋەر بېرىلدى. جامائەت نامازغا تۇراي دەپ تۇرۇشىغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى خېلى ياخشىلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، ئورنىدىن تۇردى ۋە ئاستا قەدەملەر بىلەن مەسچىدكە چىقتى. ئەبۇبەكرى ئۇنى ئاۋازىدىن تونۇپ، مېھرابتىن كەينىگە چېكىنمەكچى بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: “ئورنۇڭدىن مىدىرلىما!” دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ سول تەرىپىدە ئولتۇردى. بۇ ۋەزىيەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جامائەتكە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ئىماملىق قىلغان بولدى. ئەبۇبەكرى ئۆرە تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلدى، جامائەت بولسا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە ئىقتىدا قىلدى.

نامازدىن كېيىن، جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشىلىنىپ قالدى دەپ ئويلاپ تارقىلىشتى، ئەبۇبەكرىمۇ شۇنداق دەپ ئويلىغانىدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! اﷲ نىڭ لۇتپى بىلەن سېنى خېلى ياخشىلىنىپ قالغاندەك كۆردۈم. بۈگۈن ھارىجە قىزى ھەبىبەنىڭ يېنىغا بارماقچى ئىدىم، رۇخسەت قىلارسەنمۇ؟ ـ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــ ئەلۋەتتە! ـ دەپ ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بىلدۈردى، ئاندىن ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.

ئەبۇبەكرىمۇ مەدىنە سىرتىدىكى ئالىيە رايونى سىنھ مەھەللىسىگە جايلاشقان ئۆيىگە كەتتى. شۇ كۈنى كەچتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولدى. ئەبۇبەكرى ئۆيىدىن قايتىپ، مەسچىد ئالدىغا كەلگەندە، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىدى. ھەزرىتى ئۆمەر خەلققە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەۋاتاتتى: “مۇناپىقلارنىڭ بەزىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتىشماقتا. اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ۋاپات بولمىدى. ئۇ پەقەت ئومران ئوغلى مۇسا رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ، قىرىق كۈن تۇرۇپ، پىتنە ـ پاسات تېرىلغاندىن كېيىن قايتىپ كەلگەندەك، رەببىنىڭ ئالدىغا كەتتى. اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇسا قايتىپ كەلگەندەك ئۇمۇ قايتىپ كېلىدۇ. ئۇنى «ئۆلدى!» دېگەنلەرنىڭ قول ۋە ئاياقلىرى كېسىلىدۇ.”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مەسچىدتە بولۇۋاتقان ئىشلارغا پەرۋا قىلماي، ئۇدۇل ئائىشەنىڭ ھۇجرىسىغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەسىدىنىڭ قېشىغا كىردى. ئۇنىڭ مۇبارەك بەدىنى ھۇجرىنىڭ بىر تەرىپىدە ئۈستى يېپىلغان ھالدا تۇراتتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى يېقىنلىشىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىنى ئاچتى ۋە ئېگىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ھۆرمەت بىلەن سۆيدى. ئاندىن ئۆزىگە خاس تەمكىنلىك بىلەن: “ئاتا ـ ئانام ساڭا پىدا بولسۇن! ھەقىقەت شۇكى، سەن اﷲ نىڭ ساڭا تەقدىر قىلغان ئۆلۈمنى تېتىغان بولدۇڭ. ئەمما بۇندىن كېيىن ساڭا ئۆلۈم يوقتۇر” دېدى.

ئۇ سۆزلىرىنى تۈگىتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىنى ياپتى ۋە مەسچىدكە چىقتى. ھەزرىتى ئۆمەر تېخىچە جامائەتكە خىتاب قىلىۋاتاتتى. ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا: “ئۆزەڭنى بېسىۋېلىپ، مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سال!” دەپ چىرايلىقچە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ھەزرىتى ئۆمەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ سۆزىنى مەجبۇرىي بۆلدى ۋە خەلققە: “ئى خالايىق! كىم مۇھەممەدكە ئىمان ئېيتقان بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، مۇھەممەد ۋاپات بولدى. ئەمما كىم اﷲ غا ئىمان ئېيتقان بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، اﷲ ھاياتتۇر ۋە مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ” دېدى. ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى:

(مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر)؟ كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، اﷲ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.(

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە قۇلاق سالغان خەلق بۇ ئايەتنى خۇددى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقاندەك ھېسسىياتقا چۆمدى. ئىش ئايدىڭلاشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ئىدى. ساھابىلەر ئەمدى ئۇنى كۆرەلمەيتتى، مۇسۇلمانلار ئەمدى ئۇنىڭ تەلىم ـ تەربىيە ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئاڭلىيالمايتتى. مۇسۇلمانلار بەكمۇ چوڭ مۇسىبەتكە دۇچ كەلگەچكە، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىشقانىدى. بۇ ئىشنىڭ تەسىرىدە ئارزۇ ـ ئارمانلىرى سۇغا چىلىشىپ، دۇنيا قاراڭغۇلىشىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتى. ھەممەيلەن خۇددى يولىدىن ئېزىقىپ قالغاندەكلا كۆرۈنەتتى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا ئۇلارنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيۋاتاتتى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سۆزلىرىدىنمۇ شۇنداقراق مەنە چىقىپ تۇراتتى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئىسلام دەۋرىدە ئەنسارىلاردىن بولغان ھارىجە قىزى ھەبىبەگە ئۆيلەنگەنىدى. ئەمما ئۇ ئايالى ھامىلە ۋاقتىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇممۇ گۈلسۈم ئىسىملىك قىزى تۇغۇلدى. كېيىن، بۇ ئايالنى تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئۆز نىكاھىغا ئالدى.

ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئۆمەر يەنە ئۇمەيس بىنتى ئەسماغىمۇ ئۆيلەنگەنىدى. بۇ ئايال بۇرۇن ھەزرىتى ئەلىنىڭ قېرىندىشى جافەرگە ياتلىق بولغان بولۇپ، جافەر مۇتە جېڭىدا شېھىت بولغان ئىدى. ھىجىرىيەنىڭ ئونىنچى يىلى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ ئايالدىن مۇھەممەد ئىسىملىك ئوغلى تۇغۇلدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ ئايالنى ھەزرىتى ئەلى ئۆز نىكاھىغا ئالدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خەلىپىلىكى

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خەلىپىلىكى”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى”

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەدىنە خەلقى بولغان ئەنسارلار مەدىنىگەە ۋە مۇسۇلمانلارغا بىرىنىڭ باش بولۇشى كېرەكلىكىنى جىددىي ھېس قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئەتراپتىكى بەدەۋىيلەر ۋە باشقا قەبىلىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىققان بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، بۇ شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىرمۇنچىلىغان كۆچمەن ئەرەبلەر ۋە قەبىلىلەر تېخى ھەقىقىي مەنىدە ئىمان ئېيتمىغانىدى. گەرچە ئۇلار ئىسلامغا ئىشەنگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىمان ئۇلارنىڭ قەلبىگە تولۇق ئورنىشىپ بولالمىغانىدى. بۇ يىڭى ئىسلام دۆلىتىنىڭ كۈچى ۋە نوپۇزىدىن قورققانلىقلىرى ئۈچۈن، پەقەت تىللىرى بىلەن مۇسۇلمان بولغاندەك كۆرۈنەتتى، ئەمما چىن كۆڭلى بىلەن ئىمان ئېيتمىغانىدى. دەرۋەقە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن قىسقا مۇددەت بۇرۇنلا بەزى يەرلەردە ئىسلامدىن يېنىۋېلىش (رىددەت) ھەرىكەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلانغانىدى.

شۇنداق، ئەنسارلار ئۆزلىرىنىڭ مەدىنىنىڭ ئەتراپىغا يەرلەشكەن بەدەۋىي قەبىلىلەرنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىنى خېلى ئوبدانلا ھېس قىلىشقا ۋە بۇ سەۋەبتىن قاتتىق تەشۋىشلىنىشكە باشلىدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئىسلام دەۋاسىنى ئەڭ باشتا ئۇلار (مۇشۇ يەردە) قوللىغان، قولىدىن كەلگىنىچە ياردەم قىلغان، ئۆيلىرىنى مەككىدىن كەلگەن مۇھاجىرلارغا ئاچقان، ئۇلارنى باغرىغا باسقان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغان ۋە مۇشۇ ئارقىلىق ئەتراپتىكى بەدەۋىي ئەرەب قەبىلىلىرىنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرغانىدى.

ئەنسارىلار مۇھاجىرلارنىڭ بىر كۈنلەردە (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن) ئەسلى يۇرتى مەككىگە قايتىپ كېتىپ قېلىشىنىمۇ ئويلىشىپ قويۇشقانىدى. چۈنكى مۇھاجىرلار ۋىجدان ئازابىغا چىدىمىغانلىقى ئۈچۈنلا مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈپ كەلگەنىدى. ئۇلار مەككىدىن چىققاندا شەھەر خەلقى تېخى مۇشرىك ئىدى، ئەمما كېيىن ھەممىسى مۇسۇلمان بولدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ مەككىگە قايتىپ كېتىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار يولغا چىققاندا قورۇ ـ جايلىرى، مال ـ ۋارانلىرى، ئېتىز ـ باغلىرى قالغانىدى. بۇ مەسىلە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېخى ھاياتتىكى چاغلاردىلا ئەنسارىلارنى ئويلاندۇرۇشقا باشلىغانىدى.

بولۇپمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتىھ قىلغان كۈندىن بېرى (ھىجىرىيەنىڭ سەككىزىنچى يىلى) بۇ ئەندىشە ئۇلارنى ساراسىمىگە سېلىشقا باشلىدى. نىھايەت، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەككە فەتھىگە چىقىپ، ھۇنەيىن جېڭىدا ھەۋزان ۋە ساقىف قەبىلىلىرىدىن ئېلىنغان غەنىمەتلەر جەئرانە دېگەن يەردە تەقسىم قىلىنغان ۋاقىتتا، بۇ ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇلارغا مۇۋاپىق بىر جاۋاب بەرگەنىدى.

بۇ ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولغا چۈشكەن غەنىمەتلەرنى قۇرەيشلەر ۋە بەدەۋىي ئەرەبلەرگە تارقىتىپ بېرىپ، ئەنسارىلارغا ھېچنىمە بەرمىگەچكە، ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كەلدى ۋە بۇ ئىش ھەققىدە بىر مۇنچە پىتنە ـ پاسات تېرىلدى. ھەتتا ئارىلىرىدىن بىرى چىقىپ: “پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمدى ئۆز خەلقىگە ئېرىشتى” دېگەندەك كىنايىلىك گەپلەرنى قىلدى. سەئد ئىبنى ئۇبادە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:

ــ ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! سەن بىلەن جەڭگە قاتناشقان شۇ ئەنسارى خەلقى قولغا چۈشكەن غەنىمەتلەرنى ئۆز خەلقىڭگە ۋە بەدەۋىي ئەرەب قەبىلىلىرىگە كۆپلەپ تارقىتىپ، ئۇلار (ئەنسارىلار) نى غەنىمەتتىن مەھرۇم قويغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا خاپا بولۇشىۋاتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزگە بەكمۇ تەئەججۈپلەنگەن ھالدا:

ــ سەن قانداق قارايسەن، ئى سەئد؟! ـ دېدى. سەئدمۇ يانماي:

ــ مەن خەلقىمنىڭ بىر ئەزاسىمەن، ـ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام:

ــ ماڭا خەلقىڭنى توپلاپ بەرگىن! ـ دەپ ئەمر قىلدى. سەئد مەدىنىلىكلەرنى دەرھال ئەتراپى قاشالانغان بىر يەرگە توپلىدى. بۇ ئارىدا مەككە مۇجاھىدلىرىدىن بەزىلىرىمۇ بۇلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلماقچى بولۇۋىدى، سەئد ئۇلارغا رۇخسەت قىلدى. ئەمما كېيىن كەلگەنلەرنى ئارىغا ئالمىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

ــ ئەنسارىلار يىغىلدى، ـ دەپ خەۋەر بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، اﷲ قا ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: “ئى ئەنسارىلار! ماڭا سىلەر توغرۇلۇق بەزى گەپ ـ سۆزلەر يېتىپ كەلدى. ئۆز ئاراڭلاردا ماڭا خاپا بولۇپسىلەر. سىلەر زالالەتكە پاتقان ۋاقتىڭلاردا مېنىڭ ئاراڭلارغا كىرىشىم بىلەن اﷲ سىلەرگە ھىدايەت ئاتا قىلمىدىمۇ؟ سىلەر پېقىر ئىدىڭلار، مەن ئاراڭلارغا كەلگەندىن كېيىن، اﷲ سىلەرگە مال ـ بايلىق ئاتا قىلمىدىمۇ؟ بىر بىرىڭلارغا دۈشمەن ئىدىڭلار، مەن كەلگەندىن كېيىن، اﷲ ئاراڭلارغا مېھرى ـ مۇھەببەت ئورناتمىدىمۇ؟” كۆپچىلىك بۇ سوئاللارغا بىردەك: “شۇنداق، توغرا!” دەپ جاۋاب بېرىشتى ۋە: “بۇ ئېھسان اﷲ نىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭدۇر” دەپ قوشۇپ قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “ئۇنداقتا، ماڭا بىر جاۋاب بەرمەمسىلەر؟” دەپ سورىدى. ئەنسارىلار: “ساڭا نېمە دەپ جاۋاب بېرەرمىز؟ مىننەت ۋە ئېھسان پەقەت اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر” دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قېتىم ئۇلارغا: “ئەگەر خالىساڭلار، بىر جاۋاب بېرەلەيتتىڭلار، شۇنداقلا، توغرا سۆز قىلغان بولاتتىڭلار ھەم ھەقلىق بولۇپ چىقاتتىڭلار. مەسىلەن مۇنداق دېسەڭلار بولاتتى: «سەن ئارىمىزغا باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ھالدا كەلگەنىدىڭ، بىز سېنى قوبۇل قىلدۇق. بىزنىڭ ئارىمىزغا پەرىشان ھالدا كەلگەنىدىڭ، ساڭا ياردەم قىلدۇق. ئۆز يۇرتۇڭدىن قوغلانغانىدىڭ، بىز ساڭا پاناھلىق بەردۇق. پېقىر ئىدىڭ، قولۇڭدىن تۇتتۇق.» ئى ئەنسارلار! مەن ئۇلارنى مۇسۇلمان بولسۇن دەپ، ئۇ ئاددىي ۋە ئۆتكۈنچى دۇنيا ماللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشتىم. ئەمما سىلەرنى ئېتىقادىڭلار (كۈچلۈك ئىمانىڭلار) بىلەنلا قويۇپ قويدۇم. ئى ئەنسارىلار! باشقىلار بۇ يەردىن قوي، تۆگىلەرنى يېتىلەپ قايتسا، سىلەر اﷲ نىڭ ئەلچىسى بىلەن يۇرتۇڭلارغا قايتىشنى ئۈمىد قىلمامسىلەر؟ مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر ھىجرەت ۋەقەسى بولمىغان بولسا، مەن ئەنسارىلاردىن بىرى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم.

بارلىق ئىنسانلار بىر يولغا، ئەنسارىلار باشقا بىر يولغا ماڭسا، مەن ئەنسارىلار بىلەن بىر يولدا ماڭغان بولاتتىم. ئى اﷲ! ئەنسارىلارغا ۋە ئەنسارىلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەرھەمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغىن!…” دېدى.

ئەنسارىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەندى ۋە ساقاللىرى يۆل بولۇپ كەتكىچە يغىلاشتى. ئاندىن: “پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولدۇق” دەپ تارقىلىشتى.

شۇنداق! مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەنسارىلار مۇھاجىرلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مەككىگە قايتىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىۋاتاتتى. ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن، مۇھاجىرلارنى ھېسابقا قاتماي تۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىسىنى سايلاش ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى ئىدى.

ئەنسارىلار مەدىنىلىك بەنى سەئدە ئائىلىسىنىڭ ئۆيىگە يىغىلدى، بۇ يىغىلىشقا مۇھاجىرلار چاقىرىلمىدى. ئۇلار بىلەن كېڭىشىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى، مەدىنىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى خەزرەجلىكلەر تەشكىل قىلاتتى. ئۇلارنىڭ رەھبىرىمۇ ساھابىلەرنىڭ چوڭلىرى، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن پەۋقۇلئاددە مەمنۇن ۋە رازى بولغان كىشىلەردىن بىرى ـ سەئد ئىبنى ئۇبادە ئىدى. شۇڭا ئۇنى خەلىپىلىككە تەيىنلەشكە بىردەك كېلىشكەنىدى.

مۇھاجىرلارغا كەلسەك، ئۇلار بۇ ئىشلاردىن ئەنسارىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يىراق ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى ۋە دەپنە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى. بەزىلىرى تېغىچە بۇ قايغۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغانىدى. يەنە بەزىلىرى بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن بىرى خەلىپىلىككە سايلىنىشى كىرەك دېگەنلەرنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمىغانىدى. بۇ ئەھۋالدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ ئىش ئىختىلاپ قىلىشنىڭ ھېچ ھاجىتى بولمىغان بىر مەسىلە ئىدى.

دەل شۇ چاغدا، مۇھاجىرلاردىن بىر توپ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ئىدى. بىرى تۇيۇقسىز كېلىپ، سىرتتىنلا:

ــ ھەي ئىبنى خاتىب! دەرھال سىرتقا چىققىن، ساڭا دەيدىغان بەكمۇ مۇھىم ئىش بار، ـ دېدى. ئىشنىڭ جىددىيلىقىنى تېخى بىلىپ بولالمىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قايغۇسىدىن ئۆزىنى تېخى ئوڭشاپ بولالمىغان ھەزرىتى ئۆمەر:

ــ نېرى بار! ھازىر سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىغۇدەك ھالىمىز يوق، ـ دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن ئۇ ئادەم:

ــ شۇئان بەكمۇ مۇھىم بىر ئىش بولۇۋاتىدۇ، ئۇ يەردە سېنىڭمۇ بولۇشۇڭ چوقۇم شەرت. ئەنسارىلار بەنى سەئدنىڭ ئۆيىگە يىغىلدى. كېيىنچە ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا بىرەر خۇسۇمەتكە سەۋەب بولىدىغان قارار ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۇ يەرگە بېرىپ بولۇشۇڭ كېرەك، - دەپ چىڭ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئۆمەر ئەبۇبەكرىگە:

ــ يۈر! شۇ ئەنسارى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىغا بېرىپ باقايلى، ـ دېدى ۋە پەقەت شۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزلىرىگە كېلىپ، بىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا باشچىلىق قىلىش ئۈچۈن خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلىپ يەتتى. ئۇلار دەرھال بەنى سەئدنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتى. يولدا ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىر ئىبنى جەرراھ ئۇچرىدى. ئۇنىمۇ يانلىرىغا ئېلىپ كېتىۋاتقىنىدا، ئالدىغا ئۇچرىغان ئەنسارلىق ئۇۋەيم ئىبنى سەئد ۋە مەئەن ئىبنى ئادىي ئىسىملىك ئىككى كىشىدىن بۇ مەسىلە ھەققىدە مەلۇمات ئالماقچى بولدى، ئۇلار مۇنداق دېدى: “ئەنسارلارغا يېقىنلاشماسلىقىڭلار ۋە ئۇلارغا قېتىلماسلىقىڭلار سەۋەبىدىن بىرەر ئىشنىڭ چىقىپ قېلىشى ناتايىن.

سىلەر مۇھاجىرلارمۇ ئۆز ئاراڭلاردا پىكىر بىرلىكىگە كەلسەڭلار، ئەنسارلار بىلەن ئاراڭلاردا ھېچ ئىش يۈز بەرمەيدۇ.”

ئەمما مۇھاجىرلارنىڭ ۋەكىللىرى ئورنىدىكى ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە قاتارلىقلار بەنى سەئدنىڭ ئۆيىدىكى يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن يوللىرىغا داۋام قىلدى ۋە ئاخىرى ئۇ يەرگە يېتىپ كېلىپ، يىغىلىشقا قېتىلدى. ۋەقەلەرنىڭ يۆنىلىشىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئارىسىدا ئاساسىي جەھەتتىن ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق ئىدى. ئەنسارلارنىڭ مۇھاجىرلارغا خەۋەر بەرمەيلا يىغىلىشىدا ئۇ كۈننىڭ شەرتلىرىگە ئاساسەن زۆرۈرىيەت بار ئىدى. بۇ يىغىلىشقا ئەنسارلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىلغانىدى. ئۇلار قىسقىچە بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن: “مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا سەئد ئىبنى ئۇبادەنى باشلىق قىلىپ سايلايلى!” دېيىشتى. ئۇلار كېسەل تارتىپ يېتىپ قالغان سەئدنىمۇ يىغىلىشقا ئېلىپ كەلگەنىدى. سەئد ئوغلىغا مۇنداق دېدى: “مەن كېسەلمەن، ئاۋازىم كۆپچىلىككە ئاڭلانمايدۇ، شۇڭا سەن مېنىڭ سۆزلىرىمنى يۇقىرى ئاۋازدا تەكرارلىغىن!”

ئۇ سۆزلەشكە باشلىدى، ئوغلى يۇقىرى ئاۋازدا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تەكرارلىدى. ئۇ ئاۋۋال اﷲ غا ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنۇلارنى دېدى: “ئى ئەنسار خەلقى! سىلەرنىڭ ھېچبىر ئەرەب قەبىلىسىگە نېسىپ بولمىغان دىنىي تەجرىبەڭلار ۋە (ئىسلامدا) ئالاھىدە ئورنۇڭلار بار. ھەممىڭلارغا ئايانكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز خەلقىنى ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت رەھمانغا قۇللۇق قىلىشقا، اﷲ غا شېرىك قىلىۋالغان بارلىق بۇتلاردىن ۋاز كېچىپ، ئۇلاردىن يىراقلىشىشقا دەۋەت قىلدى. ئەمما ناھايىتى ئاز كىشى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتى، ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھنى ياكى دىننى قوغدىغۇچىلىكى يوق ئىدى، ھەتتا ئۆزلىرىگە كەلگەن زۇلۇمغىمۇ قارشى چىقالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن، اﷲ تائالا بۇ شەرەپنى سىلەرگە ئېھسان قىلدى، بۇ ئۈستۈنلۈكنى سىلەرگە يۈزلەندۈردى ۋە بۇ نېئمەتنى سىلەرگە ئاتا قىلدى.

سىلەرگە اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشنى، ئۇنى ۋە ساھابىلىرىنى قوغداشنى، دىنىنى ئۇلۇغلاشنى ۋە دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى نېسىپ قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ دۈشمىنىگە ھەممىدىن بەكرەك قاتتىق قول بولدۇڭلار. مانا بۇ سەۋەبلەر بىلەن، بارلىق ئەرەبلەر خالاپ ـ خالىماي اﷲ نىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. (مەركەزدىن) يىراقتىكىلەرمۇ ئۆزىنى بىلىپ بويۇن ئەگدى. اﷲ تائالا بۇ شەكىلدە پەيغەمبىرىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى. ئەرەبلەر سىلەرنىڭ قىلىچىڭلارنىڭ سايىسىدا ئۇنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەردىن مەمنۇن ۋە رازى بولغان ھالدا ۋاپات بولدى.”

سەئدنىڭ بۇ سۆزلىرىدىنمۇ مەدىنەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەرەبلەرنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىش ئەندىشىسى چىقىپ تۇراتتى. مانا بۇ ئەندىشىلەر ئۇلارنى تېزدىن بىر خەلىپە سايلاشقا مەجبۇر قىلدى.

مۇھاجىرلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىلىشقا كىرىپ كەلدى. ئەنسار چوڭلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىلغانىدى، ئۇلار ئولتۇرۇشتى. ئەنسارلار نامىدا سۆزلىمەكچى بولغان كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋۋال اﷲ غا ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

“بىز اﷲ نىڭ دىنىغا ياردەم قىلغان ئىسلامنىڭ ئاۋانگارت قوشۇنى بىز. ئى مۇھاجىر قېرىنداشلار! سىلەر بولساڭلار، بىزنىڭ بىر ئايمىقىمىز، بىر پارچىمىز، بىزگە قېتىلغان بىر قوشۇنسىلەر. قارىغاندا، سىلەر بىزنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئاساسىمىزنى بۇزۇپ تاشلاپ، بۇ ئىشنى ئۆز ئۈستۈڭلارغا ئالماقچى بولغاندەك تۇرىسىلەر.

ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاراڭلاردىن بىرىنى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن بولسا، چوقۇم بىزدىنمۇ بىر كىشىنى قېتىپ قويغان بولاتتى. شۇڭا خەلىپىلىككە بىزدىن بىر كىشى، سىلەردىن بىر كىشى سايلانسا دەپ ئويلايمەن.”

ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:”

“ئەنسارلارنىڭ ئۇ باياناتچىسى سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، مەن سۆزلىمەكچى بولدۇم. ئۆز ئىچىمدە خېلى ئوبدان تەييارلىق قىلغانىدىم. ئەمما ئەبۇبەكرى:

ــ ماڭا رۇخسەت قىلغىن! ـ دېدى.

ئەلۋەتتە ئۇنى رەنجىتىشنى خالىمىدىم. ئەمەلىيەتتە، ئۇ مەندىن بەكرەك خۇشپېئىل ۋە تەمكىنرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۆز باشلىدى. اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ مەن ئۆز ئىچىمدە پۇختا تەييارلىق بىلەن ھازىرلىغان سۆزلەرنىڭ بىرمۇ بىر ئوخشىشىنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقلىرىنى تاللاپ سۆزلىدى. ئەنسارلار ھەققىدە مەيلى ئايەت ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىلىرىدىن نېمە بولسا، ھەممىسىنى بىرـ بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويدى. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارغا ئايانكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ـ ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىر يولغا، ئەنسارلار باشقا يولغا ماڭسا، مەن ئەنسارلارنىڭ كەينىدىن ماڭغان بولاتتىم، ـ دېگەنىدى. سىلەر ئۆزەڭلار ھەققىڭلاردا ئېيتقان ۋە بىزگە ئەسلىتىپ ئۆتكەن ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئىشنىڭ ئەھلى سىلەر. ئەمما، بۇ ئىشقا كەلسەك، ئەرەبلەر بۇ ئىشتا قۇرەيشتىن باشقىلىرىنى ئىشنىڭ ئەھلى دەپ قارىمايدۇ. بۇ، بارلىق ئەرەب مىللىتىنىڭ يەكۈنىدۇر. مەن سىلەرگە خەلىپە بولۇشقا تېگىشلىك ئىككى كىشىنى كۆرسىتىمەن، كىمنى خالىساڭلار، شۇنى سايلاڭلار. (ئۇ شۇنداق دەپ، ئەبۇئۇبەيدە ئىككىمىزنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ، ئەنسارلارغا كۆرسەتتى.)»”

ھەزرىتى ئۆمەر سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: “اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەبۇبەكرىنىڭ مېنى توختىتىپ قويۇپ، ئۆزى سۆز قىلغىنىغا پەقەتلا رەنجىمىدىم. ئەگەر گۇناھ بولمىسا، ئۆزەمنى ئۆلتۈرىۋالغان بولسام تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. بۇ، مەن ئۈچۈن ئەبۇبەكرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مىللەتكە خەلىپە بولۇشتىن ياخشىراق ئىدى. ئەبۇبەكرىنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ئەنسارلار سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى:

“قەسەم قىلىمەنكى، اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى قىزغانغىنىمىز يوق. اﷲ نىڭ مەۋجۇداتلىرى ئىچىدىمۇ ھېچكىمنى سىلەردىن ئەۋزەل كۆرمەيمىز. ئەمما بۇندىن كېيىن بېشىمىزغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن بولغان ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. شۇڭا ھازىر سىلەر ئاراڭلاردىن بىر كىشىنى تاللاڭلار، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بىز ئەنسارلاردىن بىر كىشىنى تاللايلى. مۇشۇ تەرىقىدە، بىر بىزدىن، بىر سىلەردىن بولۇپ ئەبەدىي داۋام قىلىدۇ. ھەم شۇنداق بولغاندا، بۇندىن كېيىنكى زامانلاردا، ئەگەر قۇرەيشلىك خەلىپە يولدىن چىققۇدەك بولسا، ئەنسارلاردىن بىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۇنى ئۆرۈۋېتىشىدىن ياكى ئەنسارلاردىن بىرى ئادالەتتىن يىراقلاشقۇدەك بولسا، قۇرەيشلىك بىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى يۈرۈش قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيمىز.” (قانداقلا بولمىسۇن، قارشى تەرەپتىن بىرىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھېچقانداق ئادالەتسىزلىك قىلىنمايدۇ.)

بۇ سۆھبەتلەردىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەنسارلار مۇھاجىرلارنىڭ مەدىنىدە تۇرۇپ قالىدىغانلىقىغا قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە ھەقكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ھوقۇق (خەلىپىلىك) تىن تەڭ ـ باراۋەر پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئويلاشقانىدى.

ئەمما بۇ يەردە بىر مەسىلە كېلىپ چىقتى.

ئەنسارلار (مۇھاجىرلارنىڭ ۋەكىللىرى كېلىپ بولغىچە ئارىلىقتا) ئۇبادەنى خەلىپىلىككە سايلاپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىپ بولغان ئىدى. ئۇبادەمۇ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئالدىدا ئىدى. ئەمما بۇ ئىش ئەڭ دەسلەپتە مۇھاجىرلاردىن باشلىنىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولغانىكەن، بۇ يەردە بىر خاتالىق يۈز بەرگەنىدى. بۇ خاتالىقنى مۇشۇنداق پەيتتە ۋە مەۋجۇت شەرت ـ شارائىتلارغا قارىماي تۈزىتىش كېرەك ئىدى.

بۇ ئىش بەكمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك بولۇپ، ئەكسىچە بولغاندا، خەلىپىگە ئاسىيلىق قىلىشتەك بەكمۇ خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقاتتى. ئەنسارلارنىڭ رەھبىرى سەئد ئىبنى ئۇبادەنى تەدرىجىي ھالدا بۇ ئورۇندىن چۈشۈرۈش لازىم ئىدى. ئىنسان قانداقلا بولمىسۇن، ئاجىز يارىتلغانىدى. شۇ ئەھۋالدا كېڭەش داۋاملىشىش ئارقىلىق ئەنسارلارنىڭ ئاستا ـ ئاستا كەينىگە چېكىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىلىشى لازىم ئىدى.

ھەزرىتى ئۆمەر ئەنسارلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: “بۇ ئورۇن پەقەت قۇرەيشتىن بولغان بىرىگە لايىقتۇر. شۇنداق بولغاندىلا، ئەرەبلەر رازى بولۇشىدۇ. خەلىپىلىككە ئۇلاردىن باشقا كىم كەلسە، ئۇلار ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. ۋە كىم بۇ ھەقتە بىزگە قارشى چىقسا، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرىمىز.”

ئەنسارلاردىن خەبباب ئىبنى ئەل مۇنزىر ئورنىدىن تۇرۇپ: “خەلىپە بىزدىن بىر، سىلەردىن بىر بولسۇن!” دېگەن گەپنى تەكرارلىدى.

ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا: “ھەيھات! بىر ئورۇنغا ھېچقاچان ئىككى ئەمىر سىغمايدۇ. اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەرەبلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى باشقا قەبىلىدىن دەپ ئويلاپلا سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېتىشىپ چىققان خەلقنىڭ ئىچىدىن بىرى خەلىپىلىككە سايلانسا، ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمەيدۇ. بۇنىڭغا قارشى چىققانلارغا ئوچۇق دەللىلىرىمىز بار. بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دوستلىرى ۋە ئەڭ يېقىن كىشىلىرى بولىمىز. كىم بىز بىلەن ئۇنىڭدىن قالغان ئورۇننىڭ جېدىلىنى قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئۇ باتىل ئىشلارغا ئارىلاشقان، گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە ۋە ھالاك بولۇشقا يۈزلەنگەن بولىدۇ” دەپ جاۋاب بەردى.

ھەزرىتى ئۆمەر شۇنچە قاتتىق گەپ قىلغان بولسىمۇ، خەبباب ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەنسارلارنى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىغا قېتىلىشىغا ئۈندەۋەرگەچكە، مۇھاجىرلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئەبۇ ئۇبادە ئىبنى جەرراھ سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى: “ئى ئەنسار جامائىتى! بۇ ئۇلۇغ ئىشقا تۇنجى بولۇپ ياردەم قىلغان ۋە قوللىغان كىشىلەر سىلەر ئىدىڭلار. ئۇنداقتا، تۇنجى بولۇپ بۇرمىلىغان ۋە ئۆزگەرتكەنلەر سىلەر بولۇپ قالماڭلار!”

ئۇنىڭ كەينىدىنلا بەشىر ئىبنى سەئد ئەل ئەنسارى ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: “ئى ئەنسار جامائىتى! اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بىز مۇشرىكلار بىلەن قىلغان جىھادىمىز ئارقىلىق اﷲ نىڭ نەزىرىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ۋە بۇ دىنغا ئەڭ بۇرۇن كىرىپ، مەلۇم بىر نوپۇز تىكلىگەن بولساق، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەببىمىزنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەمرلىرىنى ئورۇنداش مەقسىتىدە قىلدۇق. بۇنى (خەلىپىلىكنى دېمەكچى ـ ت) بىز ئۆز مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز. ئۇنداق بولغانىكەن، بىز مۇشۇ خاسلىقىمىزنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بەك ئىلگىرىلەپ كەتمەسلىكىمىز ۋە بۇلارنى دۇنيا مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىۋالماسلىقىمىز لازىم.

بىزگە قارشى مىننەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى پەقەت اﷲ دۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرەيشلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر ئىشتا قۇرەيشلەر ئالدىن كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەك.

ئۇلار بىلەن بۇ ھەقتە تالاش ـ تارتىش قىلغانلىقىمىزنى اﷲ كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، سىلەرمۇ اﷲ بەلگىلەپ بەرگەن چەك ـ چېگرىدىن ئېشىپ كەتمەڭلار ۋە ئۇلار بىلەن ئىختىلاپ قىلىشماڭلار!”

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇسەييىد ئىبنى ھۇدەيرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەنسارلارنىڭ بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىپ، مۇھاجىرلاردىن بىرىنى تاللاشقا ئۈندىدى. ئەگەر ئەنسارلار بۇ ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالسا، ئەۋس بىلەن خەزرەج قەبىلىسى ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن چۈشەنچە بېرىپ، مۇھاجىرلاردىن بىرىگە بەيئەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە باشقىلارنى بۇنىڭغا چاقىردى.

نەسەئى ۋە ھاكىمنىڭ رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، ئۇ كۈنى ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن ئەنسارلار ئارىسىدا بىر دىئالوگ ئۆتكەن بولۇپ، ھەزرىتى ئۆمەر ئەنسارلارغا:

ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى جامائەتكە ئىمام قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ـ دېدى. ئەنسارلار:

ــ ئەلۋەتتە بىلىمىز، ـ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ھەزرىتى ئۆمەر يەنە:

ــ ئۇنداقتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاللاپ، ئالدىغا چىقارغان ئادەمنىڭ ئالدىغا كىم ئۆتەلەيدۇ؟ ـ دەپ سورىدى. ئۇلار:

ــ ھېچبىرىمىز ئۆتەلمەيمىز، ـ دېيىشتى. ئەنسارلاردىن زەيد ئىبنى سابىت مۇنداق دېدى:

ــ قاراڭلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھاجىرلاردىن ئىدى. ئۇنداق بولغانىكەن، خەلىپىمۇ مۇھاجىرلاردىن بولۇشى كېرەك. بىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنسارلىرى بولغان بولساق، بۇندىن كېيىنمۇ خەلىپىنىڭ ئەنسارلىرى بولىشىمىز كېرەك!

بۇ سۆزلەردىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

ــ اﷲ سىلەرگە خەير ـ ئېھسان ئاتا قىلسۇن ۋە سۆز قىلغانلارنى سالامەت قىلسۇن! ماڭا قاراڭلار! ئەگەر بۇندىن باشقا ئارتۇقچە بىر نەرسە دېمەكچى (تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدىغان) بولساڭلار، بىز سىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتەلمەيمىز.

ئۇ گەپلىرىنى تۈگىتىپلا، دەرھال ھەزرىتى ئۆمەر تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا:

ــ قولۇڭنى بەرگىن! مەن ساڭا بەيئەت قىلىمەن، ـ دېدى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر:

ــ سەن مەندىنمۇ بەكرەك پەزىلەتلىك سەن، ـ دەپ خەلىپىلىك تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرىمۇ ئۇنىڭغا:

ــ سەن ماڭا قارىغاندا كۈچلۈكرەك، ـ دېدى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەرمۇ چىڭ تۇرۇپ:

ــ مېنىڭ كۈچۈممۇ سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە ساڭا تەۋە بولسۇن، ـ دېدى. ئاندىن ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە بىرلىكتە ئۇنىڭغا:

ــ ئى ئەبۇبەكرى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا بىرىنىڭ سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈشى توغرا ئەمەس. سەن سەۋر غارىدىكى ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەردىمۇ ئۆزەڭنى قىلچە ئويلاپ قويماي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولدۇڭ. ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىڭنى پىدا قىلىشتىن يانمىدىڭ. ئۇ ئاغرىپ قالغاندا، سېنى ئىمام قىلىپ سايلىدى. شۇڭا بۇ ھەقتە سېنى ئالدىنئالا ئويلىشىمىز لازىم! ـ دەپ ئۇنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى پوزىتسىيسىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۆمەر بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپلا، يۈگۈرۈپ بېرىپ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ قولىنى تۇتتى. ئۇسەييىد ئىبنى ھۇدەير ۋە بەشىر ئىبنى سەئدمۇ بىر ـ بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە بەيئەت قىلدى. بۇنى كۆرگەن باشقىلارمۇ بىر ـ بىرلەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. ئۇ يەرگە يىغىلغانلارنىڭ ئىچىدە سەئد ئىبنى ئۇبادەلا بەيئەت قىلمىدى. ئۇ ئاغرىق بولغاچقا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئالدىغا كېلەلمىدى، بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلمىدى.

مانا بۇ ۋەقە، ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلار ئارىسىدا خەلىپىلىك سەۋەبىدىن ھېچبىر ئىختىلاپ چىقمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. پەقەت ئەنسارلارنىڭ ئەندىشىسى تۈپەيلىدىنلا بىر خاتالىق يۈز بەردى ـ خالاس! ۋە بۇ سەئد ئىبنى ئۇبادەنىڭ مەۋقەسى يۈزىسىدىن ئەنسارلارنىڭ كەينىگە چېكىنىشى زۆرۈر بولغان بىر تالاش ـ تارتىشقا سەۋەب بولدى.

شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەنسارلارنىڭ بەنى سەئدنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك تېمىسىدا ئۆزلىرىنى مۇھاجىرلاردىن ئۈستۈن كۆرۈش، رەھبەرلىك سەۋداسىغا بېرىلىپ ئۇنى ياكى بۇنى قوللاش مايىللىقى ياكى نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ.

سەئد ئىبنى ئۇبادەگە كەلسەك، بۇ زات بارلىق ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ئىدى. ئەمما مەقسەت بۇ زاتنى سايلاش ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش بولۇپ، بۇ، مەدىنىنىڭ شەرت ـ شارائىتى، مىللەت ۋە دۆلەت مەسىلىلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى ئەندىشىدىن كېلىپ چىققانىدى.

بۇ ۋەقە، ھىجىرىيەنىڭ ئون بىرىنچى يىلى (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان يىل) رەبىئەل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى يۈز بەرگەنىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپىلىككە سايلىنىپ، ئىككىنچى كۈنى (خەلىپىلىك سۈپىتى بىلەن) خەلقنى نامازغا چاقىردى. ئۇ مېھرابقا چىقىپ تۇرۇشىغا، ھەزرىتى ئۆمەر ئاۋۋال اﷲ قا ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن، خەلققە مۇنداق دېدى:

“ئى خالايىق! تۈنۈگۈن سىلەرگە خىتاب قىلغانىدىم، ئەمما ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىچىمدىن كەلگەن سۆزلەر ئىدى. خەلىپىنىڭ سايلىنىشى ھەققىدىكى سۆز ـ ئىبارىلىرىم يا اﷲ نىڭ كىتابىدا يوق ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بىرەر ئېغىز سۆزىگە تايانغان ئەمەس. ئەمما مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە ئەبەدىي رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يۈرەتتىم. ئەپسۇسكى، ئۇ ۋاپات بولدى ۋە سىلەرگە اﷲ نازىل قىلغان كىتابنى قالدۇرۇپ كەتتى.

مانا بۇ كىتاب، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەھبەرلىك قىلغان ھىدايەت يولىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلساڭلار، ئۇ سىلەرنى ھىدايەت يولىغا باشلايدۇ. اﷲ تائالا سىلەرنىڭ ئەڭ خەيرلىكىڭلار ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غاردىكى جان يولدىشى، سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بىر زات ئۈستىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلىشىڭلارنى مۇيەسسەر قىلدى.”

ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان خەلق بەنى سەئد يىغىلىشىدىكى بەيئەتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بەيئەت قىلدى. ئاندىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى اﷲ قا ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن، خەلققە شۇ تارىخىي سۆزلەرنى قىلدى:

“ئى خەلقىم! مەن گەرچە ئاراڭلاردىكى ئەڭ پەزىلەتلىك بىرى بولمىساممۇ، سىلەرنىڭ خەلىپەڭلار بولۇپ سايلاندىم. ئەگەر سىلەرگە توغرا رەھبەرلىك قىلالىسام، ماڭا ياردەم قىلىڭلار. ئەگەر ئادالەتسىزلىك قىلسام، مېنى توغرا يولغا باشلاڭلار. توغرىلىق ئامانەت، يالغانچىلىق بولسا، خىيانەتتۇر.

شۇنى بىلىڭلاركى، ھالال يول بىلەن ئۆز رىزقىنى تېپىپ يەۋىتىپ، ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان كىشى تاكى ئۆز ھەققى قايتۇرۇپ ئېلىنغىچە مېنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ كۈچلۈك كىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئاراڭلاردا ئۆزىنى كۈچلۈك دەپ ئويلاپ، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان كىشىمۇ ئۇنىڭدىن شۇ ھەق ئېلىنىپ ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇلغىچە مېنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ئاجىز كىشى ھېسابلىنىدۇ.

يەنە بىلىپ قويۇڭلاركى، قايسى مىللەت جىھادنى تەرك ئەتكەن بولسا، مۇھەققەق اﷲ ئۇ مىللەتنى خار ـ زەبۇنلىققا يۈزلەندۈردى.

ۋە قايسى مىللەت ئارىسىدا پاھىشىۋازلىق ئەۋج ئالسا، مۇھەققەق اﷲ ئۇ مىللەتكە ئومۇمىي يۈزلۈك بالايىئاپەت بەردى.

مەن اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان مۇددەتكىچە، سىلەرمۇ ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر مەن اﷲ غا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسام، ئەنە شۇ چاغدا ماڭا ئىتائەت قىلىش دېگەن نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ. قېنى ئەمدى، ھەممىمىز نامازغا تۇرايلى. اﷲ ھەممىمىزگە مەرھەمەت ئاتا قىلسۇن!”

بۇ كۈنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەپنە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلاردىن باشقا ھەممەيلەن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە بەيئەت قىلدى. ئۇلارمۇ ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن كېلىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. پەقەت سەئد ئىبنى ئۇبادەلا بىر ئاز كېچىكتى. كېيىن ئۇمۇ كېلىپ بەيئەت قىلدى ۋە مۇجاھىد بولۇپ جەڭگە قاتناشتى. كۆپ ئۆتمەي، سۈرىيە تۇپراقلىرىدا ۋەزىپە ئالغان بىر جەڭدە شېھىت بولدى.

ئەبۇ سۇفياننىڭ ھەزرىتى ئەلى ۋە ھەزرىتى ئابباسنى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە قارشى كۈشكۈرتكەنلىكى ھەققىدىكى ئاتالمىش سۆز ـ چۆچەكلەرگە كەلسەك، بۇنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. چۈنكى ئەبۇسۇفيان ئىسلامغا ئىلاجىسىزلىقتىن كىرگەنلەردىن بىرى بولغاچقا، بۇنداق ئىشنى قىلىشقا جاسارەت قىلالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىسلامغا كۈچلۈك ئىمان بىلەن چىڭ باغلانغان ھەزرىتى ئەلى بىلەن ھەزرىتى ئابباسنىڭ ئۇنىڭ گېپىگە كىرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەگەر شۇنداق ئىش راستىنلا يۈز بەرگەن تەقدىردە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەبۇسۇفياننى سوراققا تارتىشى ۋە بىر مۇنچىلىغان ئىختىلاپ ۋە تەپرىقچىلىقكە سەۋەب بولىدىغان بۇ سۆزلىرى ئۇچۈن ئۇنى ئەيىبلىشى لازىم ئىدى. ھالبۇكى، تارىختا مۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگىنى يوق. بۇ پەقەت بەزى رىۋايەتچىلەرنىڭ ئويدۇرمىسىدىن ئىبارەتتۇر ـ خالاس!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن كېيىن ئورنىغا ھەزرىتى ئەلىنىڭ چىقىشى ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرۇپ قويغانلىقىمۇ پۈتۈنلەي يالغان ۋە ئەمەلىيەتكە زىت بىر ئويدۇرمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتى دىنىي ئەمر بولۇپ، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بىر ۋەسىيەت بولسا، ھېچبىر مۇسۇلمان ئۇنىڭغا قارشى چىقالمايدۇ. ئۇ كۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەسىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇلارغا بەكمۇ ئېغىر ھاقارەت قىلىش ۋە بارلىق ساھابىلەرنىڭ ئىمانىدىن گۇمانلىنىش دېگەن بىلەن ئوخشاش ئىدى.

ئويلاپ بىقىڭ! ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بۇنداق بىر ۋەسىيەتكە قانداقمۇ خىلاپلىق قىلسۇن؟! ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھېچقاچان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەزرىتى ئەلى بۇنداق بىر ۋەسىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلارغا ھەرگىزمۇ كۆز يۇممىغان ۋە قاراپ تۇرمىغان بولاتتى. چۈنكى ھەزرىتى ئەلى اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىنى بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھېچكىمگە پىسەنت قىلمايتتى.

ئەگەر بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەلىنىڭ كۆرۈنۈشتە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە بەيئەت قىلغان بولۇپ، كۆڭلىدە تەستىقلىمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولسا، بىز ئۇلاردىن سوراپ باقايلى: ئەجىبا، ساھابىلەر قاچان بىر ـ بىرىگە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىپتۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەققىدە مۇنداق ئاقماس گەپلەرنى قىلىش ئۇلارغا “بۆلگۈنچى” دېگەن بەتنامنى چاپلاش بىلەن ئوخشاش. اﷲ بىزگە بۇنداق ئىشلاردىن پاناھلىق بەرسۇن!

ھەزرىتى ئەلىنىڭ بەيئەت ئۈچۈن ئايالى ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ۋاپاتىغىچە كېچىككەنلىكى ھەققىدىكى پىتنە ـ پاساتمۇ پۈتۈنلەي تۆھمەت بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ بارلىق مۇسۇلمانلار بىرلىككە كېلىپ قارار بەرگەن بۇ مۇھىم ئىشتا ئالتە ئاي كېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. كۈچلۈك ئىمانى ۋە كىچىك ياشلىرىدىلا مۇسۇلمانلارغا قىلغان بىرلىك ۋە باراۋەرلىك چاقىرىقلىرى، ئىسلام قېرىنداشلىقىغا بولغان ئۆرنەك مۇئامىلىلىرى بىلەن تونۇلغان ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ ئىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. گەرچە بۇ ئىككى زات ئارىسىدا بەزى تالاش ـ تارتىشلار ۋە كۆڭۈل ئاغرىقلىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇ، خەلىپىلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى مىراس بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بولۇپ ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى:

ھەزرىتى فاتىمە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن دادىسى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام)نىڭ فەدەك ۋە خەيبەردىكى مىراسىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلمىدى ۋە ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان بىر ھەدىس بىلەن جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنىدى: “بىز پەيغەمبەرلەر جامائىتى يېقىنلىرىمىزغا مىراس قالدۇرمايمىز. بىزدىن كېيىنگە قالىدىغىنى سەدىقىدۇر(يەنى بارلىق ئۈممەتكە ئائىتتۇر).”

ھەزرىتى ئەلى ۋە فاتىمە بۇ سۆزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەتتى. چۈنكى ھەزرىتى فاتىمە ئىلىم ئەھلى بولۇپ، ئىنتايىن مول بىلىمى بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن ئارىلىرىدا كىچىككىنە كۆڭۈل ئاغرىقى يۈز بەردى. ئەمما بۇ ئىش قايتا تەكرارلانمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەزرىتى ئەلى ئۇ كۈنلەردە ئۆيىدىن سىرتقا كۆپ چىقالمىغاچقا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە ياردەم قىلىش پۇرسىتىمۇ يوق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، مۇھىم مەسىلىلەردە، دىندىن قايتقان مۇرتەد ئىسيانچىلار ۋە مەدىنىگە قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان باشباشتاقلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان مۇداپىئە پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلاردا ھەردائىم ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىلىرىدىن بىرى ئىدى (كېيىنكى مەزمۇنلاردا بۇ توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىمىز). ئەلىنىڭ ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۆيىدىن چىقماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئايالى ھەزرىتى فاتىمەنىڭ كېسىلى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن، ھەزرىتى فاتىمەمۇ ۋاپات بولدى. ھەزرىتى ئەلى شۇنچە ۋاقىت ھەزرىتى فاتىمەنىڭ كېسىلى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەنىدى. ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن رەنجىپ قالغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كۆڭلى خاپا ھالدا ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى سۆز ـ چۆچەككە كەلسەك، بۇمۇ ئىسلامنى ۋە ئىسلامنىڭ خاراكتىرىنى بىلمەيدىغان نادانلارنىڭ ئويدۇرمىسى ئىدى.

شۇنداق ئەمەسمۇ؟! ئىسلامدا قاچان ئاياللار ئەرلەرنى ياكى ئەرلەر ئاياللارنى پات ـ پات يوقلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، دەرت ـ ھال ئېيتىشىدىغان ئىش كۆرۈلۈپتۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەزرىتى فاتىمە دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، كېسەل بولۇپ ئۆيىدىن تالاغا ھېچ چىقالمىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بولسا، خەلق ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپىلىك قىلغان ۋاقىت، تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرى بولغاچقا، قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇ بەكمۇ كۆپ ئىدى (بۇ ھەقتىمۇ كېيىنچە تەپسىلىي توختىلىمىز).

ئەھۋال مانا مۇشۇنداق بولغانىكەن، مەيلى ھەزرىتى ئەلى بولسۇن ياكى ھەزرىتى ئابباس بولسۇن ۋەياكى پۈتۈن بەنى ھاشىم قەبىلىسى بولسۇن، بارلىق مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە بەيئەت قىلغان كۈنى ئۇلارمۇ بەيئەت قىلغانىدى.

بەنى ھاشىم قەبىلىسى ياكى باشقا بىر قەبىلىدىن بىرمۇ ئادەم بۇ بەيئەتتىن قېلىپ قالمىدى.

شۇنىسى ھەقىقەتكى، قۇرئان كەرىمدە خەلىپىلىك ھەققىدە بەلگىلىك بىر سىستېما بايان قىلىنمىغان، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمىگەنىدى. مۇسۇلمانلار پەقەت ئىسلامنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىغا بويسۇنىدىغانلىقىغا دائىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەدە بېرىش تەرىقىسىدە بەيئەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلاتتى. بەيئەت شەرتنامىسىگە ئاساسەن، بەيئەت قىلغۇچىلارنىڭ ھېچبىرى بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالالمايدۇ. بۇ مەيلى خەلىپە بولسۇن ياكى ئاددى پۇقرا بولسۇن، ھەممەيلەن ئۈچۈن ئوخشاش كۈچكە ئىگە. خەلىپىلىك ــ خەلىپە بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىر كېلىشىمنامە بولۇپ، بۇ كېلىشىمنامىگە بىنائەن خەلىپە سۆز - ھەرىكەتلىرىدە اﷲ نىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىغا، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئۇنىڭغا ئامانەت قىلىنغان ماقامغا، دۆلەت ۋە ئۈممەتنىڭ مېلىغا دۇرۇست مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچكەن بولىدۇ. شۇنداقلا، مۇسۇلمانلارمۇ بەيئەت قىلىش ئارقىلىق خەلىپىگە ھۈرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىغا شەرتسىز بويسۇنىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچكەن بولىدۇ. ئەگەر خەلىپە ئىسلامنىڭ چەك ـ چېگرىلىرىدىن ھالقىپ كەتسە، ئۇنىڭغا بولغان بەيئەت ئۆز كۈچىنى يوقىتىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار خەلىپىنى خەلىپىلىك كېلىشىمنامىلىرىگە رىئايە قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. ئەگەر ئىشلار ئۆز يولىغا كىرىپ قالسا، خەلىپىلىك يەنە داۋام قىلىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ كېڭەش ئەزالىرى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ ياكى ئۆزى ئىستىپا بېرىدۇ. ھەزرىتى ئەبۇبەكرىمۇ خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەن كۈنى مۇنداق دېگەنىدى:

“مەن اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان مۇددەتكىچە، سىلەرمۇ ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر مەن اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسام، ئەنە شۇ چاغدا ماڭا ئىتائەت قىلىش دېگەن نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ.”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك خىزمەتلىرى ۋە فەتىھلىرى

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك خىزمەتلىرى ۋە فەتىھلىرى”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ قىسقا بولۇشىغا قارىماي (ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى ئىككى يىل، ئۈچ ئاي، ئون كۈن داۋاملاشتى)، ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئىسلامنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر سىڭدۈردى. ھالبۇكى، بۇ ئىشقا بەكمۇ ئۇزۇن يىللار كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئىسلامنى ئىلمىي يوسۇندا يولغا قويۇشى ۋە بۇ يولدا چىڭ تۇرۇشى ئۇنىڭ ئىسلامنى نەقەدەر ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە قانچىلىك دەرىجىدە ساغلام، كۈچلۈك ۋە تەۋرەنمەس ئىمانغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مانا بۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىسلامنى ساغلام ئاساس ئۈستىگە قۇرۇپ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بەردى. شۇڭا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئىسلامنى (ئۇرۇش ـ جېدەل ۋە خەتەرلىك پەيتلەردە) تىك تۇتۇپ تۇرالىغان ۋە ئەقىدىلەرنىڭ بۇرمىلىنىپ كېتىشىنى توسىيالىغان ئەڭ بۈيۈك تارىخىي شەخسلەرنىڭ بىرى ھېسابلانماقتا.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھەقىقەتەن ئالدىن كۆرەر ۋە نەزەر دائىرىسى كەڭ زات ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىۋالغان، ئەمما قەلبلىرىگە ئىمان سىڭىپ كىرمىگەن نۇرغۇنلىغان بەدەۋىي ئەرەبلەر بار ئىدى.

اﷲ تائالا بۇلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: (ئەئرابىلار:«ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋە لېكىن سىلەر بويسۇندۇق دەڭلار، ئىمان تېخى سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا كىرمىدى، ئەگەر سىلەر اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلاردىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن (مۆئمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.»(

ئۇندىن باشقا:

(ئەئرابىلارنىڭ كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر، اﷲ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر، اﷲ (مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەئرابىلارنىڭ بەزىلىرى (اﷲ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى جەرىمانە ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.(

ۋە يەنە مۇنداق دەيدۇ:

(ئەتراپىڭلاردا ئەئرابىلاردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار، ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز، ئۇلارنى ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) قايتۇرۇلىدۇ.(

ئىككى يۈزلىمىچىلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىلا بار بولۇپ، مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋالغان، ئەمما مۇسۇلماندارچىلىقتىن قىلچە ئەسەر بولمىغان بىرمۇنچە ئادەم بارئىدى. بولۇپمۇ، بەدەۋىي ئەرەبلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق ئىدى. قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىن ئوچۇق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، اﷲ تائالا بۇ ئەھۋالنى ئەلچىسىگە بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق پۇرسەت تاپقان ھامان دىندىن قايتىدىغانلىقىنى سەمىگە سالغانىدى. دەرۋەقە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدىلا مۇرتەدلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. ھەتتا يەمەندە ئەل ئەسۋە ئەل ئەنسى، يەمامەدە مۇسەيلىمەتۇل كەززاب ۋە نەجىد دىيارىدا تۇلەيھەتۇل ئەسەدىي قاتارلىقلار ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئاتىۋېلىشتى، ئەمما خەلققە ئوچۇق ـ ئاشكارە جاكارلاشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە قوشۇن ئەۋەتىشىدىن قورققانىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىش بىلەنلا، ئۇلار دەرھال ئىسلامدىن يېنىپ، ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېلان قىلدى. ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەي، نۇرغۇنلىغان بەدەۋىي ئەرەبلەرنىڭمۇ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلاپ، جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئېتىقاد ۋە ھاياتىغا قايتقانلىقىنى جاكارلاشتى. بۇ پىتنىدىن پەقەت مەدىنە مۇنەۋۋەر، مەككە مۇكەررەم ۋە تائىف شەھەرلىرىلا ساقلىنىپ قالدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپىلىك ماقامىغا چىقماي تۇرۇپلا، بۇ مۇرتەدلەر ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنى زاكات بەرگۈچىلەرنىڭ سىرتىدا تۇتۇشنى تەلەپ قىلىشتى. ئۇلار خەلىپىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزلىرىگە رازىمەنلىك بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ھېسابلاشقانىدى.

ئۇلارنىڭ نەزىرىدە زاكات دىننىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئەمرلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ماددىي ئەمر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇسۇلمانلار ماددىغا بەك ئەھمىيەت بەرمەيتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ قان ـ تۆكۈپ جەڭ قىلىشى ماددىي ھايات ئۈچۈن ئەمەس ئىدى. ئۇنداق بولغانىكەن، زاكات ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك نەرسە ئىدى؟

ئەمما ئۇلار زاكاتنىڭ اﷲ نىڭ كەسكىن ئەمرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھېچقاچان بۇ ھەقتە بىپەرۋالىق قىلمايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. بۇ ئىشقا كۆز يۇمۇش ئىسلامنىڭ بىر پۈتۈن پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىش دېگەنلىك بولاتتى. ئىسلام ئەمر ۋە چەكلىمىلىرى بىلەن بىر پۈتۈندۇر، شۇنداقلا، بۆلۈنمەس بىر پۈتۈندۇر. ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ئىجرا قىلىپ، قالغان قىسمىغا سەل قاراش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداق بولغانىكەن، اﷲ نىڭ: “اﷲ پەيىەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر” دېگەن ھۆكمى ئەنە شۇلارغا قارىتىلغانىدى.

مۇرتەدلەر مەدىنە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەر سانىنىڭ ئاز، ئۆزلىرىنىڭ كۆپ ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى ئۆزلىرىگە بويۇن ئەگدۈرەلەيدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشەتتى. ئەمما نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بۇ خىيالى تامامەن سۇغا چىلاشتى. چۈنكى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھەقىقەتەن ئىسلام مۇقىم بەلگىلىۋەتكەن ھۆكۈملەرنىڭ ھېچبىرىگە سەل قارىمىغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك ۋە تەۋرەنمەس ئىمانغا ئىگە ئىدى ۋە ئاخىرقى نەپىسىگىچە بۇ يولدا تىركىشەتتى. دەرۋەقە، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قوشۇن تارتتى.

نېمە ئۈچۈندۇر، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزانس (شەرقىي رىم) لارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ۋە زەيد ئىبنى ئۇسامەنى قوماندان قىلىپ قويغان قوشۇننىمۇ ئەينى ۋاقىتتا نىشان ئۈستىگە ئەۋەتىشتە چىڭ تۇردى. ئەگەر شۇنداق قىلسا، ناھايىتى چوڭ مەسىلە كېلىپ چىقاتتى. چۈنكى، بۇ چوڭ قوشۇننى ئۇ تەرەپكە ئەۋەتىۋەتسە، ئۇنىڭ قولىدا مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان تۈزۈك ئەسكەر قالمايتتى. شۇنداقتىمۇ، بۇ بۈيۈك رەھبەر ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋە تەۋرەنمەس ئىمانى بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلدى.

زەيد ئىبنى ئۇسامە قوشۇنى

ئۇسامە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازاد گەردىسى ۋە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاسراندى بالىسى زەيدنىڭ ئوغلى، زەيد بولسا ھارىسەنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇسامەنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ئەيمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەچىسى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىسى ئۇسامەنى ھەم ئۇنىڭ دادىسىنى ئۆز جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى.

دادىسى زەيد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بىزانس ئىمپېراتورلۇقىغا قارشى مۇئتە جېڭىغا ئەۋەتىلگەن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىۋېتىپ شېھىت بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىزانسلارغا قارشى ئۇرۇشۇش ئۈچۈن تەييارلىماقچى بولغان قوشۇننىڭ بېشىغا ئۇنىڭ ئوغلىنى قويماقچى بولدى ۋە كۆپ ئۆتمەي بۇ قوشۇننى تەييارلىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئاتلىق قوشۇن بىلەن پەلەستىننىڭ جەنۇبىدىكى بەلقا رايونى (ھازىرقى غەززا ئەتراپى) غا يۈرۈش قىلىشنى بۇيرىدى. دەرھال سەپەرۋەرلىك قىلىندى، خەلق ئۇرۇش تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى، تۇنجى مۇھاجىرلار ئۇسامەنىڭ قوشۇنىغا بىرىنچى بولۇپ قېتىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئۆمەرمۇ بار ئىدى. بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەييارلىغان ئاخىرقى قوشۇن ئىدى. ھەربىي تەييارلىقلار جىددىي ئېلىپ بىرىلىۋاتقان پەيتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. قوشۇنغا ئەسكەر تىزىملاش ئىشى تېخى داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولدى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇسامە قوشۇنغا يۈرۈش قىلىش ئەمرىنى بەرمىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپىلىككە تەيىنلەندى.

ئۇ خەلىپىلىك سۈپىتى بىلەن قوشۇنغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەلگىلىگەن نىشانغا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا ئەمر بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىنىڭ ئەتىسى كۈنى چۈشتىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ جاكارچىسى: “ئۇسامەنىڭ ئەسكەرلىرىدىن مەدىنىدە ھېچكىم قالمىسۇن، ھەممەيلەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جۇرفتىكى قىشلاققا يىغىلسۇن!” دەپ جاكارلىدى. ئاندىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلققە مۇنداق دەپ خىتاب قىلدى:

“ئى خالايىق! مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئاددىي بىر ئىنسان مەن. بۇنى بىلىمەن، ئەمما سىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەسلىكتە قىلىپ كېتەلىگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ماڭا يۈكلەيدىغاندەك تۇرىسىلەر. راستىنى ئېيتقاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى اﷲ تائالا ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىۋالغان ۋە ئۇنى بالايىئاپەتتىن قوغدىغانىدى.

مەن بولسام، يېڭى شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى يولغا قويغۇچى ئەمەس، بەلكى يولغا قويۇلۇپ بولغان ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلغۇچى بەندىمەن. ئەگەر بۇ يولۇمدا داۋام ئەتسەم، مېنى قوللاڭلار. ئەگەر يولۇمدىن ئازسام، مېنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار.

ماڭا قاراڭلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆز يۇمغان ۋاقىتتا، ھېچبىر كىشى ئەڭ بولمىغاندا ئۇنىڭ بىر قامچە بولسىمۇ ئۇرۇپ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ دەۋا قىلىپ كەلمىدى. ئەمما ئاگاھ بولۇڭلاركى، مېنى دائىم يولدىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان بىر شەيتىنىم بار. ئەگەر ئۇ مېنى ئازدۇرۇپ كەتسە، مېنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، مەندىن سىلەرگە بىر زىيان ـ زەخمەت يېتىپ قالمىسۇن! ھەركىم ياشايدۇ، ئەمما ھېچكىم ئۆز ئەجىلىنىڭ قاچان توشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەگەر خەيرلىك بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بولساڭلار، تاكى ئەجىلىڭلار توشقىچە شۇ خەيرلىك ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇشقا تىرىشىڭلار. لېكىن بۇنىمۇ اﷲ خالىمىسا، سىلەر ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن قىلالمايسىلەر. ئۇنداق بولغانىكەن، ھەردائىم ئەجەلگە تەييار بولغان ھالدا ياشاڭلار، ئەجىلىڭلار سىلەرنىڭ خەيرلىك ئىشىڭلار ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتا كېلىپ قالمىسۇن.

شۇنداق ئىنسانلار ياشاپ ئۆتتىكى، ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلىنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمىدى ۋە (ئۆزلىرىنى ئۇ دۇنيادىن ئايرىم ھېسابلاپ) ھەردائىم باشقىلارنىڭ رىزقىنى يەپ ئۆتتى، سىلەر ھەرگىز ئۇلاردىن بولۇپ قالماڭلار! جىددىي، چەبدەس ۋە چاققان بولۇڭلار! ئۆلۈم ھەر قاچان ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن سىلەرنى قوغلاپ تۇرىدۇ. ئۆلۈمدىن قورقۇڭلار، دادا، بالا ۋە قېرىنداشلىرىڭلاردىن ئىبرەت ئېلىڭلار. باشقىلار (ئۆلگەنلەر) جېنىنى پىدا قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارغا ھەۋەسلەنگىنىڭلاردەك، تىرىكلەردىنمۇ زوقلىنىڭلار!”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، قارارگاھقا بېرىپ قوشۇننى ئۇزىتىپ قويۇپ، مەدىنىگە قايتتى. قوماندان ئۇسامە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن مۇنداق بىر ئىشنى ئۆتۈندى: “سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىسگە بېرىپ ئېيتقىن! رۇخسەت قىلسا، مەن ھازىرچە قوشۇننى چېكىندۈرۈپ تۇراي. چۈنكى ئەڭ كۈچلۈك ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قوشۇنغا قېتىلدى. شۇڭا بۇ خەتەرلىك پەيتتە خەلىپىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشتىن ئەنسىرەۋاتىمەن.”

ئەسكەرلەرمۇ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا يېيىلغان بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى ۋە قەبىلىلەرنىڭ ئىسلامدىن قايتىش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن كۈچىيىپ كېتىۋاتقان خەتەرلەرنى خېلى ئوبدانلا ھېس قىلىشقا باشلىغانىدى.

دەل شۇ چاغدا، ئەنسارلارمۇ ھەزرىتى ئۆمەردىن: “ئەگەر (خەلىپە) بۇ قوشۇننى ئەۋەتىشتىن راستىنلا ۋاز كېچەلمىسە، ئەڭ بولمىغاندا بىزگە ياشتا ئۇسامەدىن چوڭ ۋە تەجرىبىلىك بىرىنى قوماندان قىلىپ بەرسۇن!” دەپ تەلەپ قىلىشتى. ئەمما ئۇلار ئەبۇبەكرىنىڭ ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان ئىشىنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.

ھەزرىتى ئۆمەر ئۇسامەنىڭ ئەمرى بىلەن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پىكرىنى ئەبۇبەكرىگە بايان قىلدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۆمەرگە: “ماڭا قاراڭلار! ئىت ۋە بۆرىلەرنىڭ مېنى پارچىلىۋىتىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قارار بەرگەن بىر ئىشتىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمەن” دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر بۇ قېتىم: “ئەنسارلارمۇ ئۇسامەنىڭ ئورنىغا ياشتا ئۇنىڭدىن چوڭ ۋە تەجرىبىلىك بىرىنى تەيىنلەپ بېرىشىڭنى تەلەپ قىلىشىۋاتىدۇ” دېدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى قاتتىق غەزەپلەندىكى، ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ساقىلىدىن تۇتتى ۋە مۇنداق دېدى: “ئاناڭ ئۆلسۇن، ئى ئىبنى خەتتاب! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەلگىلىگەن نەرسىنى مېنىڭ بۇزۇشۇمنى تەلەپ قىلىۋاتىسىلەر ـ ھە؟!”

شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئۆمەر دەرھال قارارگاھقا قايتتى. ئۇسامە ئۇنىڭدىن:

ــ قانداق بولدى؟ ـ دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

ــ كۆزۈمدىن يوقىلىپ، يولۇڭغا مېڭىش! خەپ، ھەممىڭ يېتىم قېلىشارسەن! سەن خەقنىڭ يۈزىدىن پەيغەمبەرنىڭ خەلىپىسى ئالدىدا رەسۋا بولدۇم، ـ دېدى.

ھەزرىتى ئۆمەر كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى قارارگاھقا قايتا كېلىپ، ئەسكەرلەرنى ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يولغا سالدى. ئۆزىمۇ قىسقا بىر ئارىلىققىچە قوشۇن بىلەن بىللە ماڭدى. ئۇسامە ئات ئۈستىدە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى پىيادە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇلىغىنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف يېتىلىۋالغانىدى. ئۇسامە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە: “ئى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىسى! اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، يا سەن ئېتىڭغا مىنگىن ياكى مەن ئېتىمدىن چۈشەي!” دەپ ئۆزىنىڭ تۆۋەنچىلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. ئەمما ھەزرىتى ئەبۇبەكرى: “ياق! اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەنمۇ ئېتىڭدىن چۈشمىگىن، مەنمۇ مىنمەي. اﷲ يولىدا مېنىڭ ئاياغلىرىممۇ بىرەر سائەت توپا ـ چاڭ بولسا، نېمە بوپتۇ؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، اﷲ تائالا جىھادقا قاتناشقان بىر مۇسۇلماننىڭ ھەربىر قەدىمى ئۈچۈن يەتتە يۈز ھەسسە ساۋاب بېرىدۇ، مەرتىۋىسىنى يەتتە يۈز ھەسسە ئۆستۈرىدۇ ۋە يەتتە يۈز گۇناھىنى يۇيۇۋېتىدۇ” دېدى. ئۇسامە ئۇنىڭغا: “ھەزرىتى ئۆمەرنى ماڭا ياردەمچى قىلىپ تەيىنلەپ بەرگەن بولساڭ!” دېدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن قوشۇننى يەنە بىر قېتىم توختىتىپ مۇنداق خىتاب قىلدى: “ئى مۇھاجىرلار جامائەسى! بىر ئاز توختاڭلار! سىلەرگە دەيدىغان ئون نەسىھىتىم بار. بۇلارنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. خىيانەت قىلماڭلار، چەكتىن ئاشماڭلار، پاناھلىق تىلىگەنلەرنى ئۆلتۈرمەڭلار، باشقىلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرمەڭلار، ياشانغانلارنى، كىچىك بالىلارنى ۋە ئاياللارنى ئۆلتۈرمەڭلار، خورما دەرەخلىرىنى زىدە قىلماڭلار، كۆيدۈرمەڭلار، ھېچقانداق دەل ـ دەرەخنى كەسمەڭلار، دۈشمەننىڭ قوي، كالا، تۆگىلىرىنى بوغۇزلىماڭلار (يېمەكلىك بۇنىڭ سىرتىدا).

ئالدىڭلارغا دۇنيا ھاياتىنى تەرك ئېتىپ، كېچە ـ كۈندۈز ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بەزى كىشىلەر ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا ھەزگىز چېقىلغۇچى بولماڭلار. ۋە يەنە ئالدىڭلارغا دەستىخان سېلىپ، ھەرخىل تائاملار تارتىدىغان كىشىلەر ئۇچرايدۇ، بۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ئۇلار اﷲ نىڭ نامىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن دەستىخىنىغا قول ئۇزىتىڭلار. ئاندىن يەنە چېچىنىڭ ئوتتۇرىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئەتراپىنى خۇددى يۆگەكتەك قويۇپ قويغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىسىلەر، ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇڭلار! قېنى ئەمىسە، اﷲ نىڭ نامى بىلەن ئالغا! اﷲ جېنىڭلارنى ئالماقچى بولسا، دۈشمەننىڭ قىلىچى ياكى خولېرا بىلەن ئالسۇن!”

ئاندىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇسامەگە مۇنداق دەپ تەلىمات بەردى: “پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساڭا قانداق ئەمر بەرگەن بولسا، شۇنداق قىلغىن. ئاۋۋال قۇززا دىيارىدىن باشلا، ئاندىن ئابىلگە كەل! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرلىرىدىن ھېچقانداق نۇقسان قويما ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ھېچنەرسە قوشمىغانلىقىمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققانلىقىمغا ھەيران قالما!”

ئۇسامە ئالغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. زىل مەرۋە ۋە ۋادى قاتارلىق يەرلەرگە يولۇقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرىغان يەرگىچە يېتىپ باردى. ئاتلىق قوشۇنى بىلەن قۇززا قەبىلىسى ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى، ئابىلغا ھۇجۇم قىلدى. نۇرغۇن غەنىمەت توپلىدى. بۇ ۋەزىپە، بېرىپ ـ كېلىشتىن سىرت، 40 كۈندە ئاران تاماملاندى.

ئۇسامە قوماندانلىقىدىكى قوشۇننىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەييارلىغانلىقى سەۋەبى بىلەن) ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشانغا ئەۋەتىلىشى ۋە بۇنىڭ مەدىنە ئۈچۈن ئېلىپ كېلىدىغان شۇنچە چوڭ خەۋپكە قارىماي ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ قىلچە ئەندىشە قىلماسلىقى، ئۇنىڭ نەقەدەر جەسۇر ۋە تەۋرەنمەس ئىمانغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە نەتىجىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ھايات ۋاقتىدا بەرگەن قارارنى ئىجرا قىلىش يولىدا نەقەدەر چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. چۈنكى ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قارار بەرگەن بولسا، بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ چوقۇم خەيرلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

بۇ قوشۇننى يۈرۈشكە ئاتلاندۇرۇشتىكى ئەڭ ئاساسلىق مەقسەت مۇسۇلمانلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ، مۇناپىق ۋە مۇرتەدلەرنىڭ روھىنى چۈشۈرۈش ئىدى. بۇ مەقسەت بولمىغان بولسا، قوشۇن بۇنداق خەتەرلىك پەيتتە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ چەت ـ ياقىلىرىغا ئەۋەتىلمەيتتى ۋە بۇنداق تەۋەككۈلچىلىك قىلىنمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، مەدىنىدە يولغا قويۇلغان شەرىئەت ئەھكامىغا قارشى چىققانلار ۋە شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان كۆچمەن ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن ھېچكىم قورقۇپ قالمىدى. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەك ۋەھىمىلىك ئۇنسۇرلار ھېسابلانمايتتى.

مۇرتەدلەر (ئىسلامدىن يېنىۋالغانلار) گە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش بىلەن تەڭلا مۇرتەدلىك ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئېلىپ، ھەر يەرنى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى قاپلاپ كەتتى. بۇ ئەھۋال پەقەت مەدىنە، مەككە، تائىف ۋە بەھرەيندىلا كۆرۈلمىدى. رىددەت (ئىسلامدىن يېنىش) ھەرىكەتلىرى يېيىلغان يەرلەر ئىچىدە پەقەت مەدىنىنىڭ غەربىگە جايلاشقان خەلق ئۇسامە قوشۇنىنىڭ بىزانسقا قارشى يۈرۈش قىلىشىدىن قورقۇپ، ئارىسالدى بولۇپ قالغانىدى.

ئۇلار بۇ مەسىلىنى مۇنداق ئويلاشقانىدى: ’“ئەگەر مۇسۇلمانلار راستىنلا شۇنداق زور كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسا، بىزانسلارغا قارشى قوشۇن ئەۋەتمىگەن بولاتتى. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلاپ تۇرايلى.

ئەگەر بىزانسلار مۇسۇلمانلارنى يېڭىۋالسا، ھەممە ئىش ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ ۋە بىزنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ئايرىم ئۇرۇشۇپ يۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئەگەر ئۇسامەنىڭ قوشۇنى بىزانسلارنى يېڭىۋالسا، ئۇ چاغدا ئىسلام ئۆز ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن بولىدۇ، بۇ ئەھۋالدا بىز ھېچنىمە قىلالمايمىز، يەنى مۇسۇلمانلارغا چېقىلىشتىن بىزگە ھېچقانداق پايدا چىقمايدۇ.”

مەدىنىنىڭ غەربىدىكى رايونلاردا ئىسلامدىن يېنىش ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆرۈلمەسلىكىدىكى بىردىنبىر سەۋەب مانا بۇ ئىدى.

ئەسلىدە مۇرتەدلەر ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى مۇسەيلىمەتۇل كەززاب، تۇلەيھا ۋە ئەسۋەدكە ئوخشاش ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشىدە سۆرۈلۈپ يۈرىدىغانلار؛ يەنە بىر خىلى بولسا، اﷲ قا ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبەرگە ئىشەنگەن ۋە ناماز ئوقۇيدىغان تۇرۇپ زاكاتنى رەت قىلغان ۋە ئۇنى اﷲ نىڭ كەسكىن ھۆكمى ئەمەس، بەلكى دۆلەت خەلقتىن مەجبۇرىيي يىغماقچى بولغان باج دەپ قارايدىغانلار ئىدى.

مانا بۇ ئىككىنچى خىلدىكى مۇرتەدلەر زاكاتنى ئۆزلىرىدىن بىكار قىلىۋېتىش ئۈچۈن خەلىپىنىڭ ئالدىغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى. ئۇلار ھەزرىتى ئابباستىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە مۆتىۋەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ھەتتا بۇ مۇسۇلمان مۆتىۋەرلەرنىڭ ئىچىدە مۇرتەدلەرنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بولغان بىرنەچچىسى بۇ ھەقتە ئەبۇبەكرى بىلەن تالاش ـ تارتىش قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەزرىتى ئۆمەر، ئەبۇئۇبەيدە ۋە ئەبۇھۇزەيفەنىڭ ئازاد گەردىسى سالىم قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بۇ تەكلىپنى قەتئىي رەت قىلدى ۋە بۇ مەشھۇر سۆزىنى دەل شۇ چاغدا ئېيتتى:

“اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقتىدا (دۆلەتكە) تۆلىگەن نەرسىنى (بۈگۈن) تۆلىمەسلىك ئۈچۈن تىركىشىدىغان بولسا، (تۆلەيدىغان نەرسىسى تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىچىلىك نەرسە بولسىمۇ) ئۇلاردىن شۇ نەرسىنى تۆلەتكىچە ئېلىشىمەن.”

ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

“پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كىشىلەر: اﷲ دىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ـ دېگىچە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا بۇيرۇلدۇم. كىشىلەر پەقەت لائىلاھە ئىللاللاھ دېيىش ئارقىلىقلا ئۆز جېنى ۋە مېلىنى مەندىن قوغداپ قالالايدۇ. ئۇنىڭ ھېسابى اﷲ قا خاستۇر» دېمىگەنمىدى؟ ئەمدى بىز قايسى ھەق بىلەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچالايمىز؟”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىمۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ مۇنداق دېدى:

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەبۇبەكرىمۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ مۇنداق دېدى:”

“اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، ناماز بىلەن روزىنى بىر ـ بىرىدىن ئايرىمىغان ئادەم بىلەن توختىماي ھەپىلىشىمەن. زاكات ـــ مالنىڭ ھەققىدۇر. قەسەم قىلىمەنكى، زاكات قىلىپ بېرىدىغان نەرسە بىر ئوغلاق بولسىمۇ، ئۇنى بەرمەسلىك ئۈچۈن تىركەشكەن ئادەم بىلەن ئۇرۇشۇشتىن يانمايمەن.”

شۇنداق، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئىسلامنى مانا مۇشۇنداق بۆلۈنمەس، بىر پۈتۈن دەپ بىلەتتى. چۈنكى پەرزلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن پەرقى يوق بولۇپ، زاكات ھەرقانچە ئىقتىسادىي تېما بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇ ئىسلامنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى، اﷲ قا قۇللۇق قىلىشنىڭ بىر كۆرۈنۈشىدۇر. ئىسلامنىڭ بىر قىسمىنى ئىجرا قىلىپ، يەنە بىر قىسمىغا سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

ساھابىلەر بۇ خەتەرلىك پەيتتە ئىشنى چىرايلىقچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلايتتى. چۈنكى ھەممە يەر بىرلا ۋاقىتتا ئىسلامدىن يېنىش ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن تەۋرىنىشكە باشلىغانىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە مۇنداق دېدى: “ئى رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى! خەلققە بىراز سىلىق ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن!”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا: “مەن سېنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتىم.

ھالبۇكى، سەن مېنى خاتا يولغا ئىتتىرىپ، پەرىشان قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىسەن. ياكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى شىر يۈرىكىڭ ئىسلام دەۋرىدە توخۇ يۈرىكىگە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟

شۇنىسى ھەقىقەتكى، ۋەھيى چۈشۈشتىن توختىدى، دىن ۋايىغا يەتتى. ئۇنداقتا، مەن تېخى ۋاپات بولماي تۇرۇپلا، دىن زەربىگە ئۇچراپ، يېمىرىلسۇنمۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشى پەقەت دىننىڭ ھەققىنى ئۆتەش ئارقىلىقلا ئۆزىنى مەندىن قۇتقۇزالايدۇ، بۇ دىننىڭ ھەققى ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ۋە زاكات بېرىشتۇر» دېمىگەنمىدى؟ اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى مېنى تەرك ئېتىپ، ئوتتۇرىلىقتا يالغۇز تاشلاپ قويسىمۇ، مەن ئۆزەم يالغۇز مۇرتەدلەر بىلەن ئېلىشىمەن” دېدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى زاكات بېرىشنى خالىمىغان مۇناپىقلارنىڭ ۋەكىللىرىگە قوپال تەگدى ۋە ئۇلارغا ھاقارەت قىلىپ، تەلەپلىرىنى رەت قىلدى. ئۆز ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنى دىننىڭ ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇشقا زورلىدى. مۇناپىقلارنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز قەبىلىلىرىگە قايتىپ بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سان جەھەتتە بەكمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىشتى. چۈنكى ئۇ مەزگىللەردە ئۇسامەنىڭ قوشۇنى بىزانسلارغا قاراپ يۈرۈش قىلغاچقا، مۇسۇلمانلار ئاندا ـ ساندا قېلىپ قالغانىدى. بۇ ۋەكىللەر ئۆزلىرىنىڭ قەبىلىلىرىنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتمەكتە ئىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇسامەنىڭ قوشۇنىنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ چۆللەرگە قارىتىپ ئېچىلغان دەرۋازىلىرىغا نوپۇزلۇق ساھابىلەرنى قاراۋۇل قىلىپ قويدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەزرىتى ئەلى، زۇبەير ئىبنى ئەل ئەۋام، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. ئۇندىن باشقا، ھەر ئېھتىمالغا قارشى جامائەتنىڭ مەسجىدتە ھەردائىم تەييار ھالەتتە تۇرۇشىنى ئەمر قىلدى. ئۇلارنى يىغىپ مۇنداق دېدى: “ئى جامائەت! يەر يۈزى قايتىدىن كۇپرىلىققا تولۇپ كېتىۋاتىدۇ. مۇرتەدلەر بىزنىڭ سانىمىزنى ئاز كۆردى. ئۇلارنىڭ كېچە ياكى كۈندۈزى ھۇجۇم قىلىشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. دۈشمەنلەرنىڭ بىزدىن ئەڭ يىراقتىكىلىرى كۆپ بولسا 12 مىل يىراقلىقتا تۇرماقتا. ئۇلار تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلاشقانىدى، ئەمما بىز ئۇلارنى رەت قىلىپ، بىز بىلەن بولغان بېتىمنى بۇزدۇق. شۇڭا ھەممىڭلار بىر يەرگە توپلىنىپ، ئۇلارغا قارشى ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار!”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇسامەنىڭ قوشۇنلىرى قايتىپ كەلگىچە، مۇرتەدلەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلماسلىقنى پلانلىدى. شۇڭا ئۇ بەزىدە ئۆزىگە كەلگەن ۋەكىللەرنى كۈتۈۋېلىپ، بەزىدە ئۆزى ئۇلارغا ۋەكىل ۋە ھەيئەتلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشاتتى.

لېكىن بەزى مۇناپىق قەبىلىلەر بىزانسقا قارشى يۈرۈش قىلغان قوشۇن قايتمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەدىنىگە بېسىپ كىرىشنى خىيال قىلىشاتتى. دەرۋەقە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇسامەنىڭ قوشۇنىنى ئۇزىتىپ، مەدىنىگە قايتقاندىن كېيىن ئۈچ كۈن ئۆتمەي تۇرۇپلا مەدىنە كېچىلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. بۇ مۇناپىقلار ئىسلام قوشۇنى بەكمۇ يىراقلاردا بولغاچقا، مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ يوقلۇقىدىن خاتىرجەم ئىدى.

مۇناپىقلار مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، جىددىي پەيتتە ياردەم قىلىشى ئۈچۈن زۇلھىسسە دېگەن يەرگە بىر بۆلۈك ئەسكەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئۇلار مەدىنىگە كىرىش ئېغىزلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، شەھەرنى قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەرگە دۇچ كەلدى. مۇھاپىزلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە خەۋەرچىلەر يۈگۈرۇپ يۈرۈشەتتى.

بۇ خەۋەرچىلەر دەرھال مەسجىدكە بېرىپ، ۋەقەنى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە يەتكۈزدى.

خەلىپە مۇھاپىزلارنىڭ قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈشىنى تاپىلىغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە بىر قوشۇننى باشلاپ، شەھەرنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىغا قاراپ يۈگۈردى ۋە باسقۇنچىلارنى بىردەمدىلا تىرە ـ پىرەڭ قىلىۋەتتى. ئۇلار دۈشمەننى قوغلاپ، زۇلھىسسە دېگەن يەرگە كەلگەندە، دۈشمەننىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ياردەمچى قوشۇنى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. مۇناپىقلار تۇلۇملارغا ھاۋا تولدۇرۇپ، ئېگىز يەرلەردىن پەسكە قارىتىپ دومىلىتىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تۆگىلىرىنى ھۈركۈتمەكچى ۋە ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى بولۇشتى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى كۆپ قوغلاشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قاراپ مەدىنىگە قايتتى.

بۇ ئارىلىقتا مۇناپىقلار زۇلقىسسەدىكى تەرەپدارلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇلارمۇ ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. شۇ كېچىسى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىمۇ مەدىنىدە قايتىدىن تەييارلىنىپ، يېرىم كېچە بولغاندا قوشۇننى باشلاپ مەدىنىدىن چىقتى.

قوشۇننىڭ ئوڭ قانىتىغا نۇمان ئىبنى مۇقەررىن، سول قانىتىغا ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇقەررىن ۋە ئارقا سەپكە ئۇلارنىڭ ئىنىسى سۇۋەيد ئىبنى مۇقەررىن قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى. سەھەر ۋاقتى، تېخى تاڭ يورۇماي تۇرۇپلا دۈشمەنلەر بىردىنلا مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىچلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولالمىغان دۈشمەنلەر پاتپاراق بولۇپ، ھەرتەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ باش قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئۇلارنى تاكى زۇلقىسسەگىچە قوغلاپ باردى. ئۇ يەردە نۇمان ئىبنى مۇقەررىننى چېگرا قوغداشقا تەيىنلەپ قويۇپ، قوشۇن بىلەن مەدىنىگە قايتتى.

بۇ زەپەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ، كۆڭلى تىنجىدى. قەبىلىلەر ئىچىدە مۇسۇلمان پېتى قېلىپ قالغانلارمۇ ئىسلام دىنىدا چىڭ تۇرۇشقا تىركەشتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، مۇسۇلمانلارنى سۆيۈندۈرىدىغان يەنە بىر ئىش يۈز بەردى. يەنى قەبىلىلەردىن يىغىلغان زاكات مەدىنىگە ساق ـ سالامەت يېتىپ كەلدى. ئىسلام مالىيەسىگە مەسئۇل كىشىلەردىن سەفۋان ئىبنى سەفۋان بەنى ئامىر قەبىلىسىنىڭ زاكات ماللىرىنى ئېلىپ، گۇگۇم ۋاقتى بىلەن تەڭ، سەئد قوغداۋاتقان كىرىش ئېغىزىدىن؛ زەبرىقان ئىبنى بەدر بەنى ئەۋف قەبىلىسىنىڭ زاكات ماللىرىنى ئېلىپ، شۇ كېچە ئوتتۇرىلىرىدا ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف قوغداۋاتقان ئېغىزدىن؛ ئادىي ئىبنى ھاتەم ئۆزى مەنسۇپ بولغان تاي قەبىلىسىنىڭ زاكات ماللىرىنى ئېلىپ، سەھەر ۋاقتى بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد قوغداۋاتقان ئېغىزدىن مەدىنىگە كىرىپ كەلدى.

بۇ ۋەقە ئۇسامە قوشۇنى يولغا چىقىپ، نەق ئىككى ئاي بولغاندا يۈز بەردى. ئۇندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنى سۆيۈندۈرىدىغان ئۈچىنچى خەۋەر يېتىپ كەلدى. بۇ ۋەقەدىن ئون كۈن ئۆتمەيلا، ئۇسامەنىڭ قوشۇنلىرى زەپەر قۇچۇپ، كۆپلىگەن غەنىمەت بىلەن قايتىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇسامەنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا نائىب قىلىپ بەلگىلەپ: “سىلەر ئارام ئېلىۋېلىڭلار!” دېگەندىن كېيىن، زۇلقىسسە ۋە مەدىنىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىغا تەيىنلەپ قويغان ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە مۇناپىق ۋە مۇرتەدلەرنىڭ ئۈستىگە قايتا يۈرۈش قىلماقچى بولدى. ئۇ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا:

“ئى رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى! ئۆتۈنۈپ قالايلى، مۇنداق قاراملىق قىلمىغىن! ئەگەر سېنىڭ بېشىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا، بىزنىڭ تەرتىپىمىز بۇزۇلىدۇ. دۈشمەننىڭ كۆزىدە سېنىڭ ماقامىڭنىڭ ئورنى بەك چوڭ. شۇڭا سەن ئورنۇڭغا باشقا بىرىنى تەيىنلىگىن!

ئەگەر ئۇنىڭغا بىر ئىش بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىرى بىلەن تولدۇرىۋالالايسەن” دەپ ئۆتۈندى. ھەزرىتى ئەلىمۇ:

“قىلىچىڭنى قىنىغا سېلىپ، مەدىنىگە قايتقىن! بۇنداق قاراملىق قىلىپ، بىزنى ھەسرەتتە قويمىغىن! اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەندىن ئايرىلىپ قالساق، شەرىئەت ئەھكامىنى سەندەك تەرتىپلىك ئىجرا قىلالمايمىز” دەپ ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇشقا تىرىشتى. ئەمما ئۇ:

“ياق! قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۆز جېنىم بىلەن سىلەرگە ياردەم قىلىشقا تىرىشىمەن” دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن زۇلھىسسە ۋە زۇلقىسسەگە قاراپ يولغا چىقتى. يەنە نۇمان ئىبنى مۇقەررىن ۋە قېرىنداشلىرىنى ئالدىنقى قېتىمقىدەك يانلىرىغا ئېلىپ، ئەل ئەبرەق رايونىدىكى رەمزە دېگەن يەرگە بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى مۇناپىقلار بىلەن قوراللىق توقۇنۇشتى ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. مۇناپىقلار چېكىنىپ، ئالدى ـ كەينىگە قارىماي قاچتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مەدىنىگە قايتتى.

بۇ ئارىلىقتا يەنە قەبىلىلەردىن يىغىلغان زاكات ماللىرى مەدىنىگە ئېلىپ كېلىندى. مال شۇ قەدەر كۆپ ئىدىكى، ئىسلام دۆلىتىنىڭ خەزىنىسىنىڭ چىقىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

بۇ مەزگىل ئىچىدە، ئۇسامەنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ خېلى ئوبدان ئارام ئېلىۋالدى. شۇڭا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇلارنى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇ يەر - بۇ يېرىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان مۇناپىقلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىش ئۈچۈن ئون بىر سەپكە ئايرىدى. بۇ سەپلەرنىڭ قوماندانلىرى ۋە قوشۇننىڭ نىشانلىرى تۆۋەندىكىچە ئىدى:

بىرىنچى، خالىد ئىبنى ۋەلىد: ئۇ ئاۋۋال ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىغان تۇلەيھا ئىبنى خۇۋەيلىد ئەل ئەسەدىينىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىسا، ئەل بەتتاھ رايونىدىكى مالىك ئىبنى نۇۋەيرە ئەل ياربۇئى ئەل تەمىمىينىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىدۇ.

ئىككىنچى، ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھىل: ئۇمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىغان، بەنى ھەنىفە قەبىلىسىنىڭ رەئىسى، يەمامەلىك مۇسەيلىمەتۇل كەززاپ بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنە: ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى يەمامەدە ئۇرۇش قىلىدىغان ئىكرىمەنىڭ قوشۇنىغا ياردەمچى قوشۇن قىلىپ بەلگىلىدى.

تۆتىنچى، مۇھاجىر ئىبنى ئەبۇئۇمەييە: ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ قوشۇنىغا يەمەندە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى جاكارلىغان يالغانچى ئەل ئەسۋەد ئەل ئەنسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى.

بەشىنچى، ئەمر ئىبنى ئاس: ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ قوشۇنىنى شىمالدىكى قۇززا قەبىلىسىنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتتى.

ئالتىنچى، خالىد ئىبنى سەئد ئىبنى ئەل ئاس: شامنىڭ شەرقىي رايونلىرىغا ئەۋەتىلدى.

يەتتىنچى، ھۇزەيفە ئىبنى مېھسان: ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا ئۇماندىكى دەبا خەلقىنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىش ئەمرىنى بەردى.

سەككىزىنچى، ئەرفەجە ئىبنى ھەرسەمە: ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ ئاۋۋال ماھاراغا بېرىپ، ئاندىن ھۇزەيفەنىڭ قوشۇنىغا قېتىلىشنى بۇيرىدى.

توققۇزىنچى، مائىن ئىبنى ھاجىز: ئۇنىڭ قوشۇنىنى بەنى سۇلەيم ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ھەۋازىن قەبىلىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتتى.

ئونىنچى، سۇۋەيد ئىبنى مۇەقەررىن: ئۇنىڭ قوشۇنىنى يەمەننىڭ تىھامە رايونىدىكى ئىسيانچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتتى.

ئون بىرىنچى، ئەل ئەلا ئىبنى ئەل ھەزرەمىي: بۇ قوماندان بەھرەينگە قاراپ يولغا چىقتى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۆزى قوماندانلىق قىلىۋاتقان قوشۇننى باشلاپ ئەل ئەبرەقنىڭ رابزا رايونىدىكى ئەبس ۋە زۇبيان قەبىلىلىرىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بۇزەھە رايونىدىكى باشقا تارماقلىرىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى.

ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىغان تۇلەيھامۇ مۇشۇ يەردە ئىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بۇ قوشۇننى ھەرقايسى سەپلەرگە بۆلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ تاي قەبىلىسى جايلاشقان يەرگە ھۇجۇم قىلىشىنى ۋە ئۇ يەردىكى تاي قەبىلىسى بىلەن ئابس ۋە زۇبيان قەبىلىلىرىنىمۇ جازالاندۇرۇشىنى بۇيرۇپ، ئۆزىنىڭ ئاۋۋال خەيبەر تەرەپكە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن تەي قەبىلىسى بىلەن جەڭ بولۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇنىڭغا جىددىي ياردەمچى قوشۇن بولۇپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

خالىد ئىبنى ۋەلىد خەلىپىنىڭ تەلىماتىغا بىنائەن تاي قەبىلىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئەمما ئوخشاش ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان، شۇنداقلا ئۇ قەبىلىنىڭ رەئىسى بولغان ھاتەم ئىبنى ئادىيمۇ شۇ يەردە ئىدى. ئۇ خەلقىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن خالىدتىن ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت تەلەپ قىلدى. خالىد ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى. دەرۋەقە، ئۇ خەلقىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە قايىل قىلالىدى. شۇنىڭ بىلەن، خالىد ئىبنى ۋەلىد ئۇ يەردىن بۇزەھەگە قاراپ يولغا چىقتى.

بۇ يەردىكى توقۇنۇشتا تۇرشاۋۇللىرىدىن ئۇككاشە ئىبنى مېھسان بىلەن سابىت ئىبنى ئەرقەم شېھىت بولدى. رەسمىي جەڭ باشلاندى، دۈشمەن قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئۇيەينە ئىبنى ھېسن ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى فەزارا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئۇيەينە قەبىلىسىنى تاشلاپ قاچتى. تۇلەيھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات چېغىدىلا ئىسلامدىن يانغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىرار ئىبنى ئەل ئەزۋەر باشچىلىقىدىكى قوشۇننى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتكەنىدى. مۇرتەدلەر قېچىپ سۇھەيراغا بېرىۋېلىشتى، كېيىن سانلىرى بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى.

دەل شۇ كۈنلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى خەۋەر يېيىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇرتەدلەر جاسارەتلىنىپ، قايتىدىن كۆپىيىشكە باشلىدى. غەتفانلىقلارمۇ ئۇمەييە ئىبنى ھېسننىڭ باشچىلىقىدا بەنى ئەسەد بىلەن بىرلىشىۋالدى. ئۇلار ئۇندىن بۇرۇن تەي قەبىلىسى بىلەن كېلىشەلمىگەنىدى.

غەتفانلىقلار بىلەن بەنى ئەسەدنىڭ بىرلىشىۋالغانلىقىنى كۆرگەن دىرار ئۆزىنىڭ ئۇلارغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ مەدىنىگە قاراپ قاچتى. ئۇنىڭ ئەمرىدىكى قوشۇن تارقىلىپ كەتتى. لېكىن، خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ بۇزەھە رايونىدىكىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشى بىلەنلا بەنى ئەسەد، بەنى ئامىر ۋە غەتفانلىقلار يېڭىدىن ئىسلامغا قايتىشتى.

خالىد ئىبنى ۋەلىد بۇ يەردىكى ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، خەلىپىنىڭ ئەمرىگە بىنائەن بىتەھ رايونىدىكى تەمىم قەبىلىسىنىڭ بەنى يەربۇ دېگەن ئايمىقىغا قاراپ ئاتلاندى. بۇ قەبىلىنىڭ بېشىدا مالىك ئىبنى نۇۋەيرە دېگەن بىرى بار ئىدى. بەنى تەمىم قەبىلىسى ئىچىدە بەكمۇ شىددەتلىك زىددىيەت ـ توقۇنۇش ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان پەيتتە، سەجاھ ئىسىملىك بىر ئايال (بەنى تەمىم قەبىلىسىدىن) ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كەلدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىشنى خالىغانلار بىرلەشتى، خالىمىغانلار قېچىپ كەتتى. ئاندىن ئۇلار يەمامەگە قاراپ يولغا چىقتى.

ئۇ كۈنلەردە، مۇسەيلىمەنىڭ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى ئەتراپىغا خېلى كۆپ تەرەپدار توپلىغانىدى. ئەمما مۇسەيلىمە بۇ ئايالدىن قورقتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بىر ـ بىرىگە چېقىلماسلىق ھەققىدە ئەھدىلەشتى. ھەتتا ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئىككىسى توي قىلىشتى، ئەمما ئۇ كۈنلەر پەقەت ئۈچ كۈن داۋاملاشتى. ئۇ ئايال يەنە ئۆز قەبىلىسىگە قايتىپ، مۇسەيلىمەگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قايتىش يولىدا بەنى تەمىم قەبىلىسىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرنەچچىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.

ئۇلار يەمامەگە ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، بۇ يەرنىڭ كىرىمىنى يېرىمدىن بۆلۈشۈش شەرتى ئاستىدا مۇسەيلىمە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەنىدى. ئەمما ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، تۇپراقلىرى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. ئۇندىن كېيىنكى ھاياتىنى شەرىئەت ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئۆتكۈزدى.

سەجاھ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا قايتقاندا، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن بەنى تەمىم قەبىلىسىدىكىلەر ھەيران قېلىشتى ۋە بۇرۇن ئۇنىڭغا يول قويغانلىقلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشتى. كۆپ ئۆتمەي، خالىد ئىبنى ۋەلىد قوماندانلىقىدىكى قوشۇن بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. بەنى تەمىم قەبىلىسىنىڭ مۆتىۋەرلىرى تۇتۇلۇپ، خالىدنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تالاش ـ تارتىش يۈز بەردى ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەزى كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق ھەق ـ ھوقۇقى بولماي تۇرۇپ، بەنى يەربۇ ئايمىقىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇۋالغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەرھال ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

بۇ ئەسنادا، خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ تۇرشاۋۇللىرىنىڭ قوماندانى دىرار ئىبنى ئەل ئەزۋەر بەنى يەربۇنىڭ رەئىسى مالىك ئىبنى نۇۋەيرەنى ئۆلتۈرىۋەتتى. بۇ ۋەقەدە بىر يۈرۈش ئىختىلاپلار مەيدانغا كەلدى.

خالىد ئىبنى ۋەلىد مالىك ئىبنى نۇۋەيرە ئۆلۈپ، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى ئۇممۇ تەمىمگە ئۆيلەندى.

ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەبۇجەھىلنىڭ ئوغلى ئىكرىمە يالغانچى مۇسەيلىمەنى جازالاش ئەمرىنى ئالغانىدى. ئۇ ئەمرگە بىنائەن يەمامەگە قاراپ ئاتلاندى، شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى، ئەمما ئۇنىڭغا يېتىشەلمىدى. ئىكرىمە تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلدى، ئەمما قوشۇنى يالغانچى مۇسەيلىمەنىڭ قەبىلىسى بەنى ھەنىفە تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. شۇراھبىل بولسا، ياردەمچى قوشۇننىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئىكرىمەنىڭ ساقلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئەۋەتكەن بۇيرۇقى يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭغا ئۇ يەردىكى ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ، ئاسىيلارنى جازالىغاندىن كېيىن، ھۇزەيفە ئىبنى مېھسان ۋە ئەرفەجە ئىبنى ھەرسەمەلەرنىڭ قوشۇنىغا قېتىلىپ، ئۇماندىكى مۇرتەدلەرگە قارشى بىرلىكتە جەڭ قىلىشىنى، ئاندىن يەمەندىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، ھەزرەمۇت تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن بولغان مۇھاجىر ئىبنى ئەبۇ ئۇمەييەنىڭ قوشۇنى بىلەن بىرلىشىشىنى بۇيرىغانىدى.

خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇرتەدلەرگە قارشى جەڭلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن مەدىنىگە قايتىپ، بۇ جەرياندا ئۆتكۈزگەن بەزى خاتالىقلىرى ئۈچۈن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن كەچۈرۈم سورىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنى ئەپۇ قىلدى ۋە ئۇنى دەرھال يالغانچى مۇسەيلىمەنىڭ ئۈستىگە قايتا يۈرۈش قىلىشقا بۇيرىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد مەدىنىگە قايتىشتا بىتاھ دېگەن يەرگە قويۇپ قويغان قوشۇنىنى تۈزەشتۈرۈپ، كەينىدىن كەلمەكچى بولغان ياردەمچى قوشۇننى ساقلاشقا باشلىدى. ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، مۇسەيلىمەنىڭ ئۈستىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئۇ يەمامەگە بېرىپ، ئۆزىدىن بۇرۇن بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنەنىڭ ياردەمچى قوشۇنىنى كۈتمەيلا، ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىدىن مۇرتەدلەر تەرىپىدىن تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆردى.

خالىد ئىبنى ۋەلىد بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، دۈشمەن سەپلىرى ئىچىدە قالغان ئاز ساندىكى مۇسۇلمانلار (بەنى ھەنىفە قەبىلىسىدىن) سەمامە ئىبنى ئەسئال قوماندانلىقىدا شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنە باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا ياردەم قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭ كۆپ پايدىسى بولمىغانىدى.

خالىد ئىبنى ۋەلىد ئۇنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ كېلىپ، شۇراھبىلنى ئالدىراقسانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەنبىھلىدى. كۆپ ئۆتمەي، يالغانچى مۇسەيلىمە ئۆزىنىڭ ئىسيانچى قوشۇنىنى باشلاپ، ھەنىفە ۋادىسىنىڭ ئۈستۈنكى تۆپىلىكلىرىدىن (بۇرۇن ئەقرەبە، ھازىر جۇبەيلە دەپ ئاتىلىدىغان يەر) مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى.

خالىد يەمامەنىڭ تۇۋەيق دەپ ئاتالغان دۆڭلۈكىنى بويلاپ ھەرىكەتلەندى. ئوڭ ۋە سول قاناتلارنىڭ بېشىدا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قېرىندىشى زەيد ئىبنى خەتتاب بىلەن ئەبۇھۇزەيفە ئىبنى ئۇتبە بار ئىدى. مۇھاجىرلارنىڭ تۇغى ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ ئازاد گەردىسى سالىمنىڭ، ئەنسارلارنىڭ تۇغى سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماسنىڭ قولىدا ئىدى. ئاڭغىچە، دىرار ئىبنى ئەل ئەزۋەرمۇ شىمال تەرەپتىكى بىر تۆپىلىكتىن (مەلھەم تەرەپتىن) ئەقرەبە تەرەپكە قاراپ چۈشۈپ كەلدى.

جەڭ بەكمۇ شىددەتلىك باشلاندى. دەسلىپىدە، مۇرتەدلەر مۇسۇلمانلارنى ئارقىغا چېكىندۈردى، ھەتتا بىر قىسىم ئەسكەر خالىدنىڭ قارارگاھىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشقا ئۇرۇندى. ئەمما ئارقىدىنلا ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ، دۈشمەنگە قاتتىق ھۇجۇم باشلاپ، ئۇلارنى چېكىندۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. كاززاپ مۇسەيلىمە قېچىپ، بىر باغقا (بۇ باغ كېيىن ئۆلۈم بېغى دەپ ئاتالغان) كىرىپ يوشۇرۇنىۋالدى. ئەمما قۇتۇلالمىدى، ناھايىتى كۆپ ئەسكەرلىرى بىلەن بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىن زەيد ئىبنى خەتتاب، سابىت ئىبنى قەيس ۋە باشقا ئۇقۇمۇشلۇق، بىلىملىك ۋە مۆتىۋەر شەخسلەر بۇ جەڭدە شېھىت بولدى.

ئۇمماندىكى لاقىت ئىبنى مالىك ئەل ئەزدىمۇ مۇسۇلمانلاردىن ئۈستۈن كەلگەچكە، خەلىپە بۇ يەرگە ئەۋەتكەن قوشۇننىڭ قوماندانلىرى جەيفەر ۋە ئۇبادلار ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە تاغ ۋە دېڭىز ساھىلىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئاندىن جەيفەر ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە خەۋەر يوللاپ، ياردەمچى قوشۇن تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھۇزەيفە ئىبنى مېھساننى ئۇممانغا، ئەرفەجە ئىبنى ھەرسەمەنى مەھرەگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئاۋۋال ئۇمماندىكى ئىشقا تۇتۇش قىلىشىنى، ئۇ يەرگە يېقىنلاشقاندا، جەيفەر ۋە ئۇبادە بىلەن ئالاقىلىشىشىنى تاپىلىدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ياردەم ئۈچۈن ئەبۇجەھىلنىڭ ئوغلى ئىكرىمەنى ئەۋەتتى. ئىكرىمە بۇندىن بۇرۇن، يەمامەدە تالاپەتكە ئۇچراپ، خەلىپىدىن ئۆزىنى قوشۇنى بىلەن بىللە ئۇممانغا ئەۋەتىشىنى ئۆتۈنگەنىدى.

ئىكرىمە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ تەلىماتىنى ئېلىپلا، ھۇزەيفە ۋە ئەرفەجەنىڭ ئارقىسىدن يولغا چىقىپ، ئۇممانغا بارمايلا ئۇلارغا يېتىشتى، ئاندىن جەيفەر ۋە ئۇبادە بىلەن خەۋەرلەشتى. ھەممىسى بىر يەرگە كېلىپ، پىلان تۈزدى ۋە بىرلىكتە ساھھار دېگەن يەرگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. دۈشمەنلەرمۇ بۇ چاغقىچە لاقىتنىڭ قوماندانلىقىدا دەباغا يىغىلدى ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا شىددەتلىك جەڭ باشلاندى.

جەڭ شۇنداق قىزىپ كەتتىكى، ئەگەر بەھرەين ۋە باشقا يەرلەردىن مۇسۇلمانلارغا ياردەمچى قوشۇن كەلمىگەن بولسا، لاقىت مۇسۇلمانلارنى يېڭىۋىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما، ئاخىرىدا مۇسۇلمانلار يەنە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ، لاقىتنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلدى. مۇسۇلمانلار توپلانغان غەنىمەتنىڭ بەشتىن بىرىنى دۆلەت خەزىنىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەرفەجە ئارقىلىق ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە يوللىدى.

ھۇزەيفە بۇ يەردە قېلىپ ئۇمماننى ئىدارە قىلماقچى بولدى. ئىكرىمە ماھراغا قايتتى، بۇ يەرنىڭ خەلقىمۇ مۇرتەد بولۇپ، ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى، شىھرىت ئىسىملىك بىرىگە بويسۇناتتى.

ئۇلار دېڭىز بويىدىكى جايلارغا يەرلەشكەن بولۇپ، سان جەھەتتىن يەنە بىر قىسىمغا قارىغاندا ئاز ئىدى.

ئىكرىمە ئىشنى بۇلاردىن باشلاپ، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى، ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مۇرتەدلەرنىڭ يەنە بىر قىسمى ئۆز كۈچىنى يوقىتىپ قويدى. مۇسبىھ ئىسىملىك بىر ئىسيانچىغا ئەگەشكەن بۇ مۇرتەدلەر مۇسۇلمانلارغا قارشى تىركىشىش ئۈچۈن تۆپىلىكلەرگە يەرلەشتى. ئەمما كۆپ ئۆتمەيلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئىكرىمە قولغا كىرگۈزۈلگەن غەنىمەتلەرنىڭ بەشتىن بىرىنى ئەسىرگە ئېلىنغان شىھرىت بىلەن بىرلىكتە مەدىنىگە يوللىدى.

يەمەننى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ يەرنىڭمۇ ھەربىر يۇرتىغا بىردىن زومىگەر ئىگىدارچىلىق قىلاتتى. ئەسۋەد ئەل ئەنسى ئىسىملىك بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات چېغىدىلا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىلان قىلغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىق ئۇ يەرگە ئەلچىلەر ئارقىلىق خەۋەر يوللاپ تۇردى، ئۇلارمۇ خېلى يۇمشاپ قالغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشى بىلەنلا، يەمەنلىكلەر ئەھدىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ يەرگە تەيىنلىگەن ۋالىيلاردىن ئامىر ئىبنى ھازىم ۋە خالىد ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاس ئىككىسى مەدىنىگە قايتىپ كەلدى، باشقىلىرى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ پاناھىغا سىغىندى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇرتەدلەرگە قارشى مۇجادىلىگە كىرىشتى. ئاۋۋال ئۇلارغا ئەلچىلەر ئارقىلىق خەۋەر يوللاپ، ئۇلارنى قايىل قىلىشقا ۋە ئىسلامغا قايتىشقا دەۋەت قىلدى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن مېڭىشقا تىرىشتى). ئۇسامەنىڭ قوشۇنى قايتقاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مۇرتەدلەرگە قارشى ئەسكىرىي بىرلىكلەرنى قۇردى. دەل شۇ كۈنلەردە، مەككە ۋالىسى ئەتتاب ئىبنى ئۇسەيدمۇ ئۆز قېرىندىشى خالىد ئىبنى ئۇسەيدنى تىھەمەدىكى مۇرتەدلەرنىڭ ئۈستىگە يوللىدى. خالىد ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، غەلىبىگە ئېرىشتى. مەككە ۋالىسى يەنە ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاسنى تائىفقا، ئىبنى رابىئەنى شەنۇئاغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ غەلىبە قىلدى.

يەمەننىڭ تىھەمە رايونىدىكى ئۇق ۋە ئەشئارى قەبىلىلىرى داۋالغۇپ تۇراتتى. تاھىر ئىبنى ئەبۇ ھالە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە بۇ ئىشنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، خەۋەر يوللىدى. ئەمما خەلىپىدىن بىر جاۋاب كەلمەي تۇرۇپلا، غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل بۇجەلىنى بۇجەيلە ۋە چۇسئۇم قەبىلىلىرىگە ئەۋەتتى. جەرىر ئۇلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، خەلىپىنىڭ ئەمرى بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن نەجراندا تۇرۇپ قالدى.

ئاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى تاھىر ئىبنى ئەبۇھالەنى ساناغا ئاتلىنىپ، ئۇ يەردە مۇداپىئەسىز قالغان مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئابدۇللاھ ئىبنى سەۋرگە مەكتۇب ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ دەۋىتىگە قوشۇلغانلارنى ئەسكەرلىككە ئالغاچ، ئۆزىنىڭ تەلىماتىنى كۈتۈشىنى ئەمر قىلدى.

ئۇندىن باشقا، مۇھاجىر ئىبنى ئەبۇئۇمەييەنىمۇ يەمەنگە ئەۋەتتى. مۇھاجىر مەككە يولى بىلەن يولغا چىقتى، خالىد ئىبنى ئۇسەييىدمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. ئۇلار تائىفقا يېتىپ كەلگەندە، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇل ئاس ئۇلارغا قېتىلدى. ئاندىن سۇئادتا جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل بۇجەلى ، تىھەمەدە ئابدۇللاھ ئىبنى سەۋر قېتىلدى. نەجرانغا كەلگەندە فەرۋا ئىبنى مۇسەيقمۇ قېتىلدى.

قوشۇن قوماندانى مۇھاجىر مۇرتەدلەرنىڭ باشچىلىرىدىن ئامىر ئىبنى مادىي قەرىب بىلەن قەيس ئىبنى ئابدى يەغۇس ئەل مەقشۇھنى تۇتۇپ، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە ئەۋەتتى. ئاندىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ يەمەنگە كىردى ۋە تارقىلىپ قېچىپ يۈرگەن مۇرتەد قەبىلىلىرىنىڭ پېشىگە چۈشتى.

ھەزرەمۇت خەلقىمۇ مۇرتەد بولۇپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا تەيىنلىگەن ئۇككاشە ئىبنى مېھسەن ۋە زىياد ئىبنى لەبىد ئەل بايادى ئىسىملىك ۋالىيلار تېخىچە شۇ يەردە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھاجىر ئىبنى ئەبى ئۇمەييەنى مۇرتەدلەرگە قارشى يۈرۈشكە بۇيرىدى، ئەمما ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغىچە، مەدىنىدىن يولغا چىقمىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۇنى شۇ ۋەزىپە بىلەن يەمەنگە ئەۋەتتى.

مۇھاجىر بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يولغا چىقىپ ساناغا كەلدى. بۇ يەردىكى يەرلىك ھۆكۈمدارلار ھەزرىتى ئەبۇبەكرى تەيىنلىگەن يېڭى ۋالىينى كۈتۈۋاتاتتى. مۇھاجىرمۇ ئىكرىمەگە ئوخشاش ھەزرەمۇتنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلغانىدى. ئىككىسى مەرىبتە ئۇچرىشىپ، ھەزرەمۇتقا بىرلىكتە كىردى ۋە ئۇ يەرگە ھاكىم بولدى. غەنىمەت ئالغان ماللارنىڭ بەشتىن بىرىنى ئەسىر ئېلىنغان ئەشئاس ئىبنى قەيس بىلەن بىرلىكتە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە ئەۋەتتى. ئەشئاس كېيىنچە ھىدايەتكە ئېرىشىپ، تاكى مۇجاھىد بولۇپ ۋاھا دېگەن يەرگە بارىدىغان قوشۇنغا قېتىلغىچە مەدىنىدە تۇردى. مۇھاجىر يەمەندە ۋەزىپە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى، فەيرۇزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. ئۇندىن باشقا، زىياد ئىبنى لەبىد ئەل بايادى بىلەن ئۇبەيدە ئىبنى سەئدمۇ ھەزرەمۇتقا يەرلەشتى.

بەھرەيندە بەنى ئابدۇلقەيس ۋە بەنى بەكىر قەبىلىلىرى بار ئىدى. بۇ يەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەينى ۋاقىتتا تەيىنلىگەن مۇنزىر ئىبنى سارى ئىسىملىك ۋالىي باشقۇرۇۋاتاتتى. ئەمما بۇ زات پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ۋاپات بولدى.

شۇنىڭ بىلەن، بەھرەين خەلقى مۇرتەد بولۇپ كەتتى. پەقەت بەنى ئابدۇلقەيس قەبىلىسى جارۇدنىڭ سايىسىدا مۇسۇلمان پېتى قالدى. بەنى بەكىر قەبىلىسى بولسا، مۇرتەدلىكتە چىڭ تۇردى. جارۇد ئەسلى خرىستىئان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى زىيارەت قىلىپ، ئىسلام بىلەن تونۇشقانىدى ۋە بىر مەزگىل مەدىنىدە تۇرۇپ، ئىسلامنى ئەتراپلىق ئۆگىنىپ، ئۆز يۇرتىغا مول ئىسلامىي بىلىم بىلەن قايتقانىدى. ئەمما كۆپ ئۆتمەي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئۇنىڭ قەبىلىسى مۇرتەدلىك يولىغا قاراپ ماڭدى. ۋە ئۇلار جارۇدقا:

“ئەگەر مۇھەممەد پەيغەمبەر بولغان بولسا ئۆلمىگەن بولاتتى” دېيىشتى. بۇنى ئاڭلىغان جارۇد خەلقىنى يىغىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

“ئەي بەنى ئابدۇلقەيس خەلقى! سىلەردىن بىر نەرسە سورىماقچىمەن. ئەگەر بىلسەڭلار، ماڭا جاۋاب بېرىڭلار. ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئاغزىڭلارنى ئاچماڭلار!”

“قېنى سورىغىن” دېيىشتى ئۇلار. جارۇد ئۇلاردىن:

“اﷲ تائالا نىڭ بۇندىن بۇرۇنمۇ پەيغەمبەر ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟” دەپ سورىدى. ئۇلار:

“ئەلۋەتتە بىلىمىز” دەپ جاۋاب بېرىشتى. جارۇد يەنە:

“ئۇنداقتا، سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلارمۇ ياكى باشقىلاردىن ئاڭلاپ بىلدىڭلارمۇ؟” دەپ سورىدى. ئۇلار:

“ئەلۋەتتە باشقىلاردىن ئاڭلاپ بىلدۇق” دېيىشتى. ئاندىن جارۇد:

“ئۇنداقتا، ئۇ پەيغەمبەرلەرگە نېمە بولدى؟” دەپ سورىدى. ئۇلار:

“ئۆلدى” دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن جارۇد:

“مۇھەممەدمۇ ئەنە شۇلارغا ئوخشاش ئۆلدى. ئەمما مەن شاھادەت كەلتۈرىمەنكى، اﷲ دىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد اﷲ نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر!

“ دەپ ئۇلارغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇلار بىردەك:

“بىزمۇ شاھادەت ئېيتىمىزكى، اﷲ دىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد اﷲ نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر!” دەپ ئىمانلىرىنى پاكلاپ، دەرھال ئىسلامغا قايتتى. ئاندىن جارۇدقا قاراپ:

“سەن بىزنىڭ كاتتىمىز، خوجايىنىمىز ۋە ئارىمىزدىكى ئەڭ پەزىلەتلىكىمىز سەن!” دەپ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ، مۇسۇلمانلىقىنى داۋاملاشتۇردى.

كېيىنچە، جارۇد بۇ جامائەتنى ھەربىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىككى ئايرىم يەرگە يىغدى. بۇلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان مۇرتەدلەرگە ھاتىم ئىبنى دۇبەي قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئەلا ئىبنى ھەزرەمىنى بەھرەينگە يوللىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات مەزگىلىدە بۇ يەرنىڭ ۋالىيسى ئىدى.

ئۇ بەھرەينگە يېقىنلاشقاندا، مۇرتەد بولۇپ كەتكەن بەنى ھەنىفە قەبىلىسىنىڭ ئارىسىدا مۇسۇلمانلىقتا چىڭ تۇرغان سۇمامە ئىبنى ئەسئەل باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار دەرھال يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ قوشۇنىغا قېتىلدى. دەل شۇ پەيتلەردە، جارۇد ئۆز قول ئاستىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە ھاتىم ئىبنى دۇبەيگە؛ ئەلا ئىبنى ئەل ھەزرەمىنىڭ قوشۇنى بولسا ھەجىر ئەتراپىدىكى مۇرتەدلەرگە قارشى (بىرلا ۋاقىتتا) ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. اﷲ تائالا مۇسۇلمانلارغا زەپەر ئاتا قىلىپ، كاپىرلارنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن فەتىھلەر

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەبۇبەكرى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن فەتىھلەر”

ئسلام دەۋىتى مەلۇم بىر رايون ياكى بىر مىللەتكە خاس ئەمەس، بەلكى پۈتۈن يەر يۈزى بۇ دەۋەتنىڭ مەيدانىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مۇرتەدلىك ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن ئىسلام دەۋىتى بىر مەزگىل ئاقساپ قالدى. بۇ ۋەقەلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن دەۋەتنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ۋە ئۆز شەكلى بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇشى ، بۇ خەيرلىك پائالىيەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق توسالغۇغا قارشى مۇجادىلە قىلىنىشى كېرەك ئىدى. مانا بۇ ـــ جىھادتۇر.

مۇرتەدكە قارشى ئېلپ بېرىلغان ئۇرۇش غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. ئەمدى جىھادنىڭ باشلىنىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى بىر تەرەپتىن مەجۇسىيي پارسلار ئىسلامىي چاقىرىققا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭغا توسالغۇلۇق قىلىپ، ئىسلام دۈشمەنلىرىنى قوللاپ، مۇرتەدلەرگە ياردەم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بىزانسلار ئىسلام دەۋاسىغا ھۇجۇم قىلىپ، خرىستىئانلاشقان ئەرەب قەبىلىلىرىنى ئىسلامغا قارشى كۈشكۈرتمەكتە ئىدى. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن ئېلىشىشى، بۇ ھەقتە اﷲ تائالادىن ياردەم تىلىشى ۋە ئۇ بەلگىلەپ بەرگەن توغرا يولدىن چىقمىغانلارنىڭ چوقۇم غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىشى كېرەك ئىدى. دەرۋەقە، ئۇ كۈنكى مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق مۇسۇلمانلار ئىدى.

مۇسۇلمانلار ئىككى خىل دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلمىسا بولمايتتى. بۇ ئىككى دۈشمەن بىر ـ بىرى بىلەن توختىماي ئىختىلاپ قىلىشقاچقا، ئارىلىرىدا توقۇنۇش بار ئىدى. بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، ئىختىيارىي ھەرىكەتلىنىشى ئۈچۈن قولايلىق ئىدى.

فەتىھ سەپلىرى

ئىران سېپى

پارسلار غەربتە سۈرىيە ئويمانلىقىدىن، جەنۇبتا ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىن باشلانغان ۋە بارغانسېرى كېڭىيىپ ماڭىدىغان ناھايىتى چوڭ زېمىنغا ھاكىم ئىدى. بىزانس (شەرقىي رىم ئىمپېراتورلۇقى) غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا ئېرىشكەن غەلىبە تاكى ئىستانبۇل بوغىزىغىچە ئىلگىرىلىسە، بەزىدە قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئاناتولىيەنىڭ فىرات دەرياسى بويىغىچە چېكىنەتتى.

مەيلى تۆۋەنكى مىسسوپوتامىيەدىكى تۈزلەڭلىكلەر بولسۇن ياكى فىرات ۋە دىجلە دەرياسى بويىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرى بولسۇن، ھەممىسى پارسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رايونلاردا ئىدى.

بەنى تەبلىغ، بەنى بەكىر، بەنى شەيبان، بەنى رابىئە ۋە تەي قەبىلىلىرى ئەنە شۇ رايونلارغا جايلاشقان بولۇپ، بۇلاردىن بەنى تەبلىغگە ئوخشاش بەزى قەبىلىلەر خرىستىئان ئىدى.

تەي قەبىلىسىنىڭ رەئىسى فىرات بويلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، پارسلارنىڭ ئۇ رايونلاردىكى نوپۇزىنى تۇتۇپ تۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى. بەنى شەيبان قەبىلىسىدىن ئەل مۇسەننا ئىبنى ھارىسە ئەش شەيبانى ئىسىملىك پالۋان بىر كىشى مۇسۇلمان بولغانىدى. ئۇ بەھرەيىندىكى مۇرتەدلەرگە قارشى جەڭدىن قايتقاندىن كېيىن، ئۆز قەبىلىسىدىن مۇسۇلمان بولغانلار بىلەن بىرلىكتە پارسلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن ئۆزىنى ئۆز يۇرتىغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىشىنى ئىلتىماس قىلدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ بۇ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى. مۇسەننا ئارىلاپ ـ ئارىلاپ پارسلارغا قارشى جەڭ ئېلىپ بېرىپ، كۈنسېرى ئارقا ـ ئارقىدىن غەلىبىگە ئېرىشىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىكى مۇجاھىدلارنىڭ سانى بەكمۇ ئاز ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن پارسلارنىڭ سانى نەچچە ھەسسە كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىدا خرىستىئان بولغان ئەرەبلەرمۇ بار ئىدى. شۇڭا مۇسەننانىڭ ئەتراپىدىكى مۇجاھىدلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئازلاشقا باشلاپ، ياردەمچى قوشۇنغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى.

خالىد ئىبنى ۋەلىد يەمامەدىكى ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى تىنجىتقاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا ئىراققا بېرىپ، مۇسەنناغا ياردەم قىلىش ئەمرىنى بەردى. ئۇندىن باشقا، ھىراغا جەنۇب تەرەپتىن كىرىشىنى، ئۇ ۋاقىتلاردا قوماندان ئاياد ئىبنى غەنەمنىڭمۇ ئۇ يەرگە شىمال تەرەپتىن يېىتىپ كېلىشى مۇمكىنچىلىكىنى، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھىرادا ئۇچرىشىشىنى، ھىراغا كىم بۇرۇن بارسا، شۇنىڭ باش قوماندان بولۇشىنى بىر ئەمر سۈپىتىدە تاپىلىدى.

بۇ ھادىسە ھىجرەتنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى يۈز بەرگەنىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ كەينىدىن كەئكە ئىبنى ئامىر ئەت تەمىمى، ئاياد ئىبنى غەنەمنىڭ كەينىدىن بولسا، ئابىد ئىبنى ئەۋف ئەل ھىميەرىي ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتىلدى. خالىد ئەمرنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇدۇل ھىراغا قاراپ ئاتلاندى. يول ئۈستىدە ئەللىس دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە يولۇقۇپ، بۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بوسبورى سىلوبا ئىسىملىك زومىگەر بىلەن بىر ئەھدىنامە تۈزۈشكەندىن كېيىن، ھىرا سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ يەردە پارس دۆلىتى تەرىپىدىن ھۆكۈمدار قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىياس ئىبنى قەبىسە ئەت تائى ئىسىملىك بىرى بار ئىدى. خالىد ئۇنىڭ نامىدا خەلققە مۇنداق دەپ خىتاب قىلدى:

“سىلەرنى اﷲ قا ئىشىنىشكە ۋە يالغۇز ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر قوبۇل قىلساڭلار، سىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ھەقلەردىن بەھرىمەن بولىسىلەر. ئەگەر قوبۇل قىلمىساڭلار، بىزگە جىزيە تۆلەيسىلەر. ئەگەر ئۇنىمۇ قوبۇل قىلمىساڭلار، شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان كىشىلەر ئۆلۈمنى خۇددى سىلەر شارابنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداق ئىكەن، ماڭا بىر جاۋاب بېرىڭلار!” خەلق ئۇنىڭغا: “بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇرۇشقىدەك ھالىمىز يوق” دېيىشتى ۋە 190 مىڭ دەرھەم جىزيە تۆلەيدىغانغا كېلىشتى. يەنە بىر تەرەپتە، مۇسەننا تۇرۇۋاتقان رايوندا ھېلى كەسكەر جەڭ مەيدانىدا، ھېلى فىراتنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى ھۇرزۇمان بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇراتتى.

خالىد مۇسەنناغا خەۋەر يوللاپ، ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە كېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇبۇللە تەرەپلەرگە چۈشۈپ، ئۇ يەرلەردىكى تارقاق قوشۇنلارنى بىرلەشتۈرمەكچى بولدى. بۇ قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئون سەككىز مىڭ ئىدى. مۇسەننا خالىدتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ھەرىكەتكە ئاتلاندى، ئەدىي ئىبنى ھاتەم ۋە ئاسىم ئىبنى ئامىر ئەت تەمىمىي قاتارلىقلار مۇسەننادىن بىر كۈن كېيىن يولغا چىقتى. خالىد بۇلار بىلەن ھافىر دېگەن يەردە ئۇچراشماقچى بولدى. ھەممىسى بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، ئۇبۇللە دىيارىدا ھۇرمۇزنىڭ باشچىلىقىدىكى پارس قوشۇنلىرى بىلەن قارشىلاشتى.

ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ھۇرمۇز بىر ھىيلە ئويلاپ چىقىپ، خالىدنى سۇيىقەستلىمەكچى بولدى. ئەمما كەئكە بۇ ھىيلىنى بىلىپ قېلىپ، ھۇرمۇزنى ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سۇيىقەستچىلەر بىلەن يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ ئېلىشتى. مۇسۇلمانلار كەچ كىرگىچە قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى ئارقىغا چېكىندۈردى. ئۇرۇش مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشتى. پارس لەشكەرلىرى ئۆزلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن باغلىۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئۇرۇش زاتۇس سەلاسىل (زەنجىرلىك ئۇرۇش) دەپ ئاتالدى.

خالىد مۇسەننانى قېچىپ كەتكەن پارس لەشكەرلىرىنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا، مۇئقىل ئىبنى مۇقەررىننى غەنىمەت ۋە ئەسىرلەرنى توپلاش ئۈچۈن ئۇبەللەگە ئەۋەتتى. مۇسەننا قاچقانلارنى قوغلاپ، پارس لەشكەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ باشچىسى بولغان نەھر ئىسىملىك ئايالغا يېتىشتى ۋە ئۇلار كىرىۋالغان قەلئەنى قورشاۋغا ئالدى. مۇسەننا باشچىلىقىدىكى قوشۇننىڭ تۇرشاۋۇللىرىغا ئۇنىڭ قېرىندىشى مۇئەننا قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى. ئاخىرى، مۇسەننا ئۇ ئايال بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزدى. قېرىندىشى مۇئەننا ئۇ ئايالغا ئۆيلەندى. مۇسەننا قەلئەدىكى دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى قولغا ئېلىپ، ھەممىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئەمما ئۇ ئەتراپتىكى ئۇرۇشقا قاتناشمىغان يەرلىك دېھقان خەلققە چېقىلمىدى ۋە ئۇلارنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بەردى.

شۇ مەزگىللەردە، ساسانىيلار خانى ئارداشىر كاريانوس ئوغلى قارىن قوماندانلىقىدىكى ناھايىتى چوڭ قوشۇننى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتتى. بۇ قوشۇن مەزار (ھازىرقى باسرا بىلەن ۋاسىت ئارىلىقىدىكى مىسان) دېگەن يەرگە كەلگەندە قوماندان قارىن (باشقا بىر ئىرانلىق قوماندان) ھۇرمۇزنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىنى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ لەشكەرلىرىنى ئۇ يەرگە يىغىپ، ئۇرۇش تەييارلىقىغا كىرىشتى.

دەل شۇ پەيتتە، خالىد ئىبنى ۋەلىد قوشۇنىنى باشلاپ، پارسلارنىڭ بۇ چوڭ قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا مۇئقىل ئىبنى ئەل ئەئشا پارس قوشۇنىنىڭ قوماندانى قارىننى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاناتلارنىڭ بىرىگە باشچىلىق قىلىۋاتقان ئاسىم ئۆزىنىڭ قارشىسىدىكى ئەنوشىجاننى، ئادىي ئىبنى ھاتەممۇ ئۆز قارشىسىدىكى قۇبازنى ئۆلتۈردى. بۇ ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن پارس قوشۇنلىرىنىڭ سانى 30 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خالىد ئىبنى ۋەلىد غەنىمەتتىن دۆلەتنىڭ ئۈلۈشىنى ئايرىۋېتىپ، قالغىنىنى ئەسكەرلىرىگە تارقىتىپ بەردى.

پارسلار سەۋاد رايونىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان ۋە كەسكەرگە يېقىن بولغان ئەل ۋالجاغا يىغىلىپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم تەييارلىقىغا كىرىشتى. بۇ قېتىم، بىرى ئەندەرزار، يەنە بىرى بەھمەن جازەۋەيھ ئىسىملىك كىشىلەرنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئىككى قوشۇن پارس قوشۇنىغا ياردەمچى قوشۇن بولۇپ قوشۇلدى.

يەنە خالىد ئىبنى ۋەلىد (ئەل ھافىرنىڭ قوماندانلىقىنى سۇۋەيد ئىبنى مۇقەررىنگە تاپشۇرۇپ) پارسلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى.

پارسلار بۇ قېتىممۇ قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، تىرە ـ پىرەڭ بولۇپ كەتتى.

پارسلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىسىدىكى بۇ مەغلۇبىيەتكە قاتتىق ئېچىنغان خرىستىئان ئەرەبلەر پارسلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇللەيس دېگەن يەرگە يىغىلىشقا باشلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان خالىد دەرھال ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ، ئۇلارنىمۇ تارمار قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 70 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى.

بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن، خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىككىنچى قېتىم ھىراغا قاراپ ماڭدى. بۇ يەرنىمۇ تىنچلاندۇرغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە كەئكە ئىبنى ئامىرنى مەسئۇل قىلىپ قويۇپ، ئۆزى ئەينى ۋاقىتتا ئىراقنىڭ شىمالىغا ئەۋەتىلگەن ئاياد ئىبنى غەنەمگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇ يەردىن فەللۇجەگە، ئاندىن كەربالاغا يولۇقۇپ، بۇ يەرنى ئاسىم ئىبنى ئامىرغا تاپشۇرۇپ ئۆزى يولىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ تۇرشاۋۇللىرىغا ئەل ئەقرا ئىبنى ھابىس باشچىلىق قىلىۋاتاتتى.

مۇسەننا بولسا، تېخىچە دىجلە دەرياسى بويىدا پارسلار بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. خالىد ئەنبارنى فەتىھ قىلىپ، ئۇ يەرگە زەبىرقان ئىبنى بەدرىنى مەسئۇل قىلىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يېقىن بولغان ئەينۇت تەمىر رايونىغا قاراپ ئاتلاندى. خەلقىنىڭ بىر قىسمى خرىستىئان ئەرەب، يەنە بىر قىسمى پارس بولغان بۇ رايوننى قورشاپ، ئۇلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. ئۆزىگە قارشى قورال كۆتۈرگەنلەرنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلارنى ئەسىر ئالدى. بۇ يەرنى ئۇۋەيم ئىبنى ئەل كاھىلغا تاپشۇرۇپ، تېخىچە دەۋمەتۇل جەندەل دېگەن يەردە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئاياد ئىبنى غەنەمگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دەرھال يولغا چۈشتى. چۈنكى ئاياد ئۆزىگە ياردەم قىلىشى ھەققىدە خالىدقا خەۋەر يوللىغانىدى. خالىدمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: “يېنىڭغا دەرھال يېتىپ بارىمەن” دەپ خەۋەر يوللىدى.

خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇققان دەۋمەتۇل جەندەل خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بىزانس تەرەپتىن قوللىغۇچىلىرى بولغان بەنى قەلب، غەسسانىلەر، تەنۇھ ۋە دەجائىم دېگەندەك خرىستىئان ئەرەب قەبىلىلىرىدىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلدى. خالىد بۇ يەرگە يېقىنلاشقاندا، بۇ يەرنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۆزئارا پىكىر ئايرىمىچىلىقىغا كىرىشىپ كەتكەنىدى. ئۇلاردىن ئۇقەيدىر ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئايرىلىپ چىقتى. جۇدى بولسا، ئۆز قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەر ۋە ئۇنىڭغا ياردەم ئۈچۈن كېلىپ، قەلئەگە سىغمىغان قوشۇنلار بىلەن بىللە ئىسلام قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. خالىد ئۆزى بۇ يەردە قېلىپ، ئەل ئەقرا ئىبنى ھابىسنى ئەنبارغا يوللىدى. كۆپ ئۆتمەي ئۆزىمۇ ھىراغا قاراپ يول ئالدى.

خالىد ئىبنى ۋەلىد ھىرانى ئاياد ئىبنى غەنەمگە تاشلاپ قويۇپ يەنە يولغا چىقتى. تۇرشاۋۇللىرىغا يەنە ئەل ئەقرا ئىبنى ھابىس باشچىلىق قىلىۋاتاتتى. خالىد ئەين دېگەن يەرگە كەلگەندە ياردەمچىلىرىدىن ئەبۇ لەيلانى ھەنەفىسكە، كەئكەنى كۇفە بىلەن سۈرىيە ئارىسىدىكى ئەل خۇسەيد ۋادىسىغا ئەۋەتتى. بۇلاردىن كەئكە خۇسەيد خەلقىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. ھەنەفىس خەلقى قورقۇپ، ئەل مۇسەييىھقا قاچقانلىقى ئۈچۈن ئەبۇلەيلا ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىدى.

شۇنىڭ بىلەن، خالىد ئىبنى ۋەلىد ھەر ئىككى ياردەمچىسىنى يېنىغا ئېلىپ، ئەل مۇسەييىھقا قاراپ ماڭدى. ھەنەفىس ۋە ئەل خۇسەيدتىن قاچقانلار مۇشۇ يەرگە كېلىپ توپلاشقانىدى. مۇسۇلمانلار بۇلارنىمۇ ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، سانا ۋە زۇمەيلگە قاراپ ئاتلاندى. ئۇ يەرلەرنىمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقاندىن كېيىن ئەررادابقا (ھازىرقى راسسافانىڭ شەرقىگە توغرا كېلىدۇ) قاراپ يۈرۈش قىلدى.

بۇ يەرگە ھىلال ئىبنى ئەققە ئىسىملىك بىرى ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. خەلق خالىد ئىبنى ۋەلىد قوماندانلىقىدىكى قوشۇننىڭ ئۆزلىرى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال قېچىشتى.

خالىد ئىبنى ۋەلىد بۇ يەرلەرنى ئىستىلاھ قىلغاندىن كېيىن، قوشۇنىنى باشلاپ فاراد (ھازىرقى سۈرىيە بىلەن ئىراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەبۇ كامال رايونىنىڭ قىرىق كېلومېتىر شەرقىگە توغرا كېلىدۇ) دېگەن يەرگە قاراپ ھەرىكەتلەندى. رامىزان ئېيى يېتىپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم پارسلار بىلەن بىزانسلار مۇسۇلمانلارغا قارشى بىرلەشكەنىدى. ئىككى تەرەپ فىرات دەرياسى بويلىرىدا توقۇنۇشتى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا پارس، بىزانس، بىزانسلارغا ياردەم بەرگەن ئەرەب قەبىلىلىرى ۋە مۇسۇلمانلاردىن جەمئىي 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى.

خالىد فىرات بويلىرىدا ئون كۈن تۇرغاندىن كېيىن، زۇلقەئدە ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى ھىراغا قايتىش ئەمرىنى بەردى. ئۇ ئاسىمغا قوشۇننىڭ بېشىدا ھەرىكەت قىلىشنى بۇيرۇپ، ئۆزى ھەربىي تاكتىكىلار تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىندۈرمەسلىك مەقسىتىدە قوشۇننىڭ كەينىدىن ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرنى يېيىپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە بىر نەچچە يېقىن ھەمراھى بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلىپ كېلىش ئۈچۈن مەككىگە كەتتى.

ئۇ ھىراغا قايتقاندا، قوشۇن تېخى شەھەرگە يېتىپ كەلمىگەنىدى. خالىدنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقلاندى ۋە ئۇنى ئىراقتىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، سۈرىيەگە ئەۋەتتى. خالىد ھىرادىكى چېغىدا ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن مۇنداق بىر مەكتۇب تاپشۇرۇپ ئالدى:

“قوشۇننى باشلاپ يەرمۇكقا قايت! چۈنكى قوشۇن كۆپ چارچىدى ھەم زەئىپلىشىپ كەتتى. ئاندىن ئۆتكەندە قىلغان ئىشىڭنى يەنە بىر قېتىم ھەرگىز قىلىپ سالما! ھېلىمۇ ياخشى خەلقنى ئېچىندۇرغىدەك بىرەر ئەھۋالغا يولۇقمىدىڭ. ئەمما ئۆز ۋەزىپەڭدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈن قول ئاستىڭدىكى قوشۇننىڭمۇ سۆيۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالما! ئى سۇلايماننىڭ دادىسى! ئەمما سېنىڭ نىيىتىڭنىڭ دۇرۇستلۇقى ۋە ئالغان قەدەملىرىڭ تۈپەيلىدىن تەبرىكلەيمەن. قالغىنىنى ئېلىپ كەلگىن، اﷲ ھەممىسىگە ئېرىشىشكە نېسىب قىلسۇن!

ھەرگىز كۆرەڭلەپ كەتمىگىن! بولمىسا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، تالاپەتكە يۈزلىنىسەن. شۇنداقلا، ھەرگىز ئۆز نەپسىڭگە ئىشەنمە! ئەسلىدە ساڭا بۇ غەلىبىلەرنى ئاتا قىلغان ۋە مۇكاپاتلاندۇرغان اﷲ تۇر. ئىراقتا ھەر يەرگە تەيىنلىگەن ئادەملىرىڭنى تاشلاپ، يەمامەدىن ئىراققىچە ساڭا ھەمراھ بولغان ۋە ھىجازدىن كېلىپ ساڭا قېتىلغان قوشۇندىكى سەركەردىلەرگە بىلدۈرمەي، مەخپىي شەكىلدە دەرھال شام تەرەپكە ئۆت! ئۇ يەردە ئەبۇ ئۇبەيدە ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قوشۇن بىلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ، قوماندانلىق سېنىڭ قولۇڭغا ئۆتىدۇ ۋە ھەممەيلەن بىر ساڭىلا بويسۇنىدۇ.”

خالىد ئىبنى ۋەلىد خەلىپىنىڭ بۇ ئەمر مەكتۇبىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىراقتىكى قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى مۇسەننا ئىبنى ھارىسەتەششەيبانىغا تاپشۇرۇپ، دەرھال فارادتىن شامغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن سۈرىيە قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئەبۇ ئۇبەيدەگە مۇنداق دەپ مەكتۇب يوللىدى:

“اﷲ نىڭ ئاخىرەتتە، ئۇ قورقۇنچلۇق كۈندە ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنى سالامەت قىلىشىنى ۋە بۇ دۇنيادىمۇ بىزنى ھەر تۈرلۈك يامانلىقلاردىن قوغدىشىنى تىلەيمەن! مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىسىدىن بىر مەكتۇب تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇ ماڭا سۈرىيەگە بېرىپ، قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتۈشۈمنى بۇيرۇپتۇ.

اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ مېنى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىشىنى مەن ھەرگىز تەلەپ قىلمىدىم. قوماندانلىق يەنىلا سېنىڭ ئەمرىڭدە بولىدۇ. ساڭا ئەسلا بويۇنتاۋلىق قىلمايمىز، ئەمرىڭگە خىلاپ ھەرىكەت قىلمايمىز ۋە سېنىڭ بۇيرۇقۇڭسىز ھېچقانداق ئىشقا قارار بەرمەيمىز. سەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ خەيىرلىكلىرىدىن سەن. بىز سېنىڭ ئۈستۈنلۈكلىرىڭنى ئىنكار قىلمايمىز، شۇنداقلا، سېنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىڭنى ئالماي تۇرۇپ ھېچبىر ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايمىز.

اﷲ تائالا ھەممىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز سەۋەبى بىلەن بىزگە ياخشى نەتىجىلەر ئاتا قىلسۇن، ھەممىمىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىسۇن، اﷲ ساڭا سالامەتلىك ۋە رەھمەت ئاتا قىلسۇن!”

خالىد ئىبنى ۋەلىد سۈرىيە قوماندانى ئەبۇئۇبەيدەگە بۇ مەكتۇبنى يوللىۋېتىپ، ئۆزى فارادتىن دەۋمەتۇل جەندەلگە قاراپ يولغا چىقتى. ئاندىن سەھران ۋادىسى يولى بىلەن شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

شام (سۈرىيە) نىڭ فەتىھ قىلىنىشى

خالىد ئىبنى سەئد ئىبنى ئاس يەمەندىن مەدىنەگە قايتقاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا تەيماغا بېرىپ ئۇ يەردىن ھېچ ئايرىلماسلىقىنى، ئەتراپتىكى مۇسۇلمانلارنى ئەسكەرگە ئېلىشىنى، ئەمما بۇرۇن مۇرتەد بولغانلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلماسلىقنى، كەينىدىن ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن دۈشمەنلەر ھۇجۇم قىلمىغۇچە ھەرىكەتلەنمەسلىكىنى ئەمر قىلدى. خالىد ئىبنى سەئد بۇيرۇققا بىنائەن تەيماغا بېرىپ، قوشۇن توپلىدى، قوشۇن كۈنسېرى زورىيىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋالدىن خاۋاتىرلەنگەن بىزانسلار ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى يانداش ئەرەب قەبىلىلىرىنى كۈشكۈرتتى.

بىزانسلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بەنى قەلب، تەنۇھ، لەھم، جۈزام قەبىلىلىرى بىلەن غەسسانىيلار مۇسۇلمانلارغا قارشى قولىغا قورال ئالدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خالىد ئىبنى سەئد ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە خەۋەر يوللىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا: “ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىل! ھەرگىز قورقمىغىن ۋە اﷲ تىن ياردەم تىلىگىن!” دەپ جاۋاب يوللىدى. شۇنىڭ بىلەن، خالىد ئىبنى سەئد دۈشمەن ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. دۈشمەنلەر مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى كۆرۈپلا تارقىلىپ كەتتى. خالىد دەرھال ئۇلار تاشلاپ كەتكەن يەرنى ئىشغال قىلدى ۋە بۇ يەردىن ھەرىكەتلەنمەي تۇرۇپ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە يەنە خەۋەر يوللاپ، بۇندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى سورىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب يوللىدى: “ئالدىڭغا قاراپ ئىلگىرىلىگىن! ئەمما ئارقاڭدىن ياردەمچى قوشۇن يېتىپ بارمىغىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرمىگىن!” خالىد ئىبنى سەئد بۇ تەلىماتقا بىنائەن داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. بۇ ئارىدا، بەزىدە دۈشمەن قوشۇنى بىلەن توقۇنۇشقا مەجبۇر بولغاچقا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى دەرھال ئۇنىڭغا ۋەلىد ئىبنى ئۇتبە ۋە ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھىل قوماندانلىقىدىكى ياردەمچى قوشۇننى ئەۋەتتى. ياردەمچى قوشۇننىڭ يېتىپ بېرىشى بىلەن، قۇددۇس ئەتراپىدا ماھان قوماندانلىقىدىكى دۈشمەن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى، ماھان شامغا قاچتى، خالىد ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى. لېكىن مەرجۇس سەفەر دېگەن يەرگە بارغاندا، بىزانسلارنىڭ يەنە ماھان قوماندانلىقىدىكى ناھايىتى زور قوشۇنىغا دۇچ كەلدى. بۇنى كۆرگەن خالىد ئىبنى سەئد زىل مەرۋەگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھىل بولسا، قول ئاستىدىكى قوشۇن بىلەن ئارقىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغانلارنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتاتتى.

دەل شۇ پەيتتە، يەمەندىكى مۇجاھىدلارمۇ قايتىپ كەلدى.

ھىجرەتنىڭ ئون ئۈچىنچى يىلى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئەمر ئىبنى ئاس قاتارلىق زاكات يىغقۇچىلارنى ئالماشتۇردى. ئامىر ھىجرەتنىڭ ئون بىرىنچى يىلى قۇزائە قەبىلىسىنىڭ زاكىتىنى يىغىشقا تەيىنلەنگەنىدى. كېيىن ئۇنى بۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ، ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەلگىلىگەن ئۇماننىڭ زاكىتىنى يىغىش ۋەزىپىسىگە قايتا تەيىنلىدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق خەۋەر يوللىدى:

“مەن سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەينى ۋاقىتتا تەيىنلىگەن ۋەزىپىگە قايتا تەيىنلىدىم. مەن ساڭا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى قايتا بەردىم ۋە بۇنى پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە ساڭا قىلغان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا قىلىۋاتىمەن. سەن بۇ ۋەزىپىنى بۇرۇن قىلغانىدىڭ، ھازىر شۇ ۋەزىپەڭگە قايتا تەيىنلەندىڭ. ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! مەن پەقەت سېنىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىق پايدا ـ مەنپەئەتىڭنى كۆزدە تۇتتۇم. شۇڭا سېنىڭمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئورۇندىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!”

ئەمر ئىبنى ئاسمۇ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە مۇنداق دەپ جاۋاب قايتۇردى:

“مەن ئىسلامنىڭ ئوقلىرىدىن بېرىمەن. سەن بولساڭ، (اﷲ تىن كېيىن) بۇ ئوقلارنى يىغىپ تەييارلىغۇچى ۋە قوللانغۇچىسەن. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارنى قەيەردىن يىغساڭ يىغقىن، ئەمما نىشانغا ئەڭ تېز يېتىپ بارىدىغان، اﷲ دىن ئەڭ قورقىدىغان ۋە ئەڭ ياخشىسىنى تاللىغىن!”

خالىد ئىبنى سەئد ماھاننىڭ قوشۇنىدىن قېچىپ زىل مەرۋەگە قايتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ خەۋەر يوللىدى:

“ھازىرقى ئورنۇڭدىن باشقا يەرگە يۆتكەلمە! ھاياتىم ئۈستىگە قەسەم قىلىمەنكى، سەن بەكمۇ قورققاق ۋە قاچقاق، شۇنداقلا كۆزۈڭ يەتمىگەن ئىشقا تۇتۇش قىلمايدىغان، جاپاغا چىدىماس بىرى ئىكەنسەن.”

كېيىنچە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خالىد ئىبنى سەئدنىڭ مەدىنەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى (بۇ ھەقتە كېيىنچە تەپسىلىي توختىلىمىز).

ھىجرەتنىڭ ئون ئۈچىنچى يىلى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە قوشۇن تەشكىللەپ، سۈرىيەگە ئەۋەتتى:

بىرىنچى، خالىد ئىبنى سەئد ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن يەزىد ئىبنى ئەبۇسۇفيان يەتتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن شامغا قاراپ ھەرىكەتلەندى. ئۇ، شامغا يۈرۈش قىلغان ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ تۇنجى قوماندانى بولۇپ، داڭقى چىققان سۇھەيل ئىبنى ئامىرمۇ بۇ قوشۇندا ۋەزىپە ئۆتەيتتى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ كەينىدىن مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان (يەزىدنىڭ قېرىندىشى) قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى ئەۋەتىپ، يەزىدنىڭ قوشۇنىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى. مۇئاۋىيە زىل مەرۋەدىن ئۆتكىچە ئەينى ۋاقىتتا خالىد ئىبنى سەئدنىڭ قوشۇنىدىن ئايرىلىپ، بۇ يەردە قېلىپ قالغان ئەسكەرلەرنىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭدى. پەقەت شۇندىن كېيىنلا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خالىد ئىبنى سەئدنىڭ مەدىنەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى.

ئىككىنچى، سۈرىيە تەرەپكە مېڭىشقا تەييارلانغان يەنە بىر قوشۇننىڭ بېشىدا ئەمر ئىبنى ئاس بولۇپ، ئۇ پەلەستىن تەرەپكە قاراپ ئاتلاندى.

ئۈچىنچى، يەنە بىر قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنە تەيىنلەندى. ئۇنىڭ قوشۇنى ئىئوردانىيە تەرەپكە قاراپ يولغا چىقاتتى. ئۇ ئەسلىدىكى ۋەلىد ئىبنى ئۇقبە قوماندانلىقىدىكى قوشۇننىڭ بېشىغا كەلتۈرۈلگەنىدى. ئۇمۇ زىل مەرۋەدىن ئۆتكەندە، خالىد ئىبنى سەئدتىن قېلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىللە ئېلىپ ماڭدى.

تۆتىنچى، ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىر ئىبنى جەرراھ يەنە بىر قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. بۇ قوشۇن ھىمس شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقاتتى.

بۇ قوشۇنغا جىددىي پەيتلەردە ياردەمچى بولىدىغان ئالتە مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھىل تەيىنلەندى.

مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەربىي تەييارلىقىدىن خەۋەر تاپقان بىزانس ئىمپېراتورى I ھېراكلىيۇس ناھايىتى ئالدىراشلىق بىلەن ھىمسقا يېتىپ بېرىپ، زور بىر قوشۇن تەشكىللىدى ۋە يەزىد ئىبنى ئەبۇسۇفيانغا قارشى تزاراق قوماندانلىقىدا، شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنەگە قارشى دراكوس قوماندانلىقىدا، ئەبۇئۇبەيدەگە قارشى فەيقەر ئىبنى ناستور قوماندانلىقىدا قوشۇن ئەۋەتتى. بۇ قوشۇننىڭ ئومۇمىي قوماندانلىقىغا فەيقەرنى تەيىنلىگەنىدى. شۇ ۋاقىتتىكى بىزانس قوشۇنىدىكى لەشكەر سانى 240 مىڭغا يەتكەنىدى. ھالبۇكى، ئىسلام قوشۇنىنىڭ لەشكەر سانى پەقەت 21 مىڭلا ئىدى. ئۇندىن باشقا، ئىكرىمەنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئالتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئارقىدىن كېلىۋاتاتتى.

مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىرى بىزانسلارنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىدىكى زور قوشۇنىنى كۆرۈشى بىلەن بىرئاز تەمتىرەپ قېلىشتى. ئۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ، ئارىلىرىدا ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق ۋە تەجرىبىلىك ھېسابلىنىدىغان ئەمر ئىبنى ئاس بىلەن كېڭىشىپ، ئۇنىڭ پىكرىنى ئالماقچى بولدى. ئەمر ئىبنى ئاس مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرقايسى سەپلەر بويىچە تارقاق ھۇجۇم قىلغاندىن، ھەممىسى بىرلىشىپ بىرلا يەردىن ھۇجۇم قىلسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى، شۇنداق قىلغاندىلا مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭىلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار خەلىپىگە خەۋەر يوللاپ، ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى. باشقا قوماندانلارمۇ ئەمرنىڭ پىكرىنى ئۇيغۇن كۆرۈشتى ھەم ئۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ـــ مەدىنە بىلەن خەۋەرلىشىش ئۈچۈن يەرمۇكنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بېكىتتى. ئۇندىن كېيىن، ئىراقتىكى خالىد ئىبنى ۋەلىدكە خەۋەر يوللاپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىشىنى ۋە باش قوماندانلىقنى قولىغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشتى.

خالىد بۇ خەۋەرنى ئېلىپ، دەرھال فارادتىن يولغا چىقىپ قاراقىرغا باردى. ئۇنى مۇسەننا ئۇزىتىپ قويغانىدى. قاراقىردىن كېيىن سۇۋاغا يولۇقۇپ ئۆتتى. ئاندىن ئۇ يەر بىلەن ئىراق ئارىسىدىكى بىزانس تۇپراقلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئاۋۋال مۇسەييىھقا ھۇجۇم قىلدى، ئاندىن شىمالغا بۇرۇلۇپ سەرھان ۋادىسى يولى بىلەن ھەۋران تېغىنىڭ شەرقىدىن ئايلىنىپ، تەدمۇر يېقىنىدىكى رىققەگە، ئاندىن تەدمۇرغا ۋە ئاخىرىدا قەريەتەينگە يېتىپ باردى.

خالىدنىڭ خەۋىرىنى ئالغان غەسسانىيلار مەرجۇ راھىت دېگەن يەردە ئۇنىڭغا قارشى قوشۇن تەشكىللىدى. غەسسانىيلار قوشۇنىنىڭ بېشىدا ھارىس ئىبنى ئەيھەم بار ئىدى. خالىد بۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، سۈرىيەنىڭ بۇسرا دېگەن يېرىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى. بۇسرا ـــ خالىد ئىبنى ۋەلىد سۈرىيە تۇپراقلىرى ئىچىدە فەتىھ قىلغان تۇنجى شەھەر ئىدى. ئاندىن يەرمۇكقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆز قوماندانلىقىدىكى توققۇز مىڭ كىشى بىلەن مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا قېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىكى ئەسكەر سانى 36 مىڭغا يەتتى.

خالىد ئىبنى ۋەلىدنى كۆرگەن مۇسۇلمانلار بەكمۇ سۆيۈندى. بۇ ئارىدا، بىزانس قوشۇنىغىمۇ ماھان قوماندانلىقىدىكى ياردەمچى قوشۇن قېتىلغاندىن باشقا، بىزانس ئەسكەرلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن بىرمۇنچىلىغان پوپ ۋە راھىبلارمۇ يېتىپ كېلىشكەنىدى. بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىمىز: «خالىد نېمە ئۈچۈن ئۇنداق ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلدى؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى:

ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، ئۆز قولى ئاستىدىكى ئازغىنە قوشۇن بىلەن بىزانسلارغا قارشى جەڭ قىلىشنى خالىمىدى.

چۈنكى ئىسلام قوشۇنىنىڭ باش قوماندانلىقى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغاچقا، ئۇ قوشۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قوماندانلىقنى ئۆتكۈزىۋېلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىسلام قوشۇنى بىزانسلارغا ھەر تەرەپتىن ئەمەس، بەلكى بىرلا سەپ بولۇپ ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانىدى. شۇنداق قىلغاندىلا، سان جەھەتتە ئۆزلىرىدىن ئون ھەسسە ئۈستۈن بولغان دۈشمەن قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرغىلى بولاتتى. ئۇندىن باشقا، ئەگەر خالىد قىسقا يولنى تاللاپ ھىراتتىن غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن بولسا، بۇندىن بۇرۇن پارسلار بىلەن رىملىقلارغا ئۇرۇش سەھنىسى بولغان بىزانس چېگرىلىرىدىكى مۇھاپىزەتچى قوشۇنغا دۇچ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنداق بولغاندا، ئىسلام قوشۇنىنىڭ يەرمۇكتا بىرلىشىشى تېخىمۇ تەسكە چۈشەتتى. شۇنداقلا، ئىسلام قوشۇنىنىڭ پىلانى بويىچە باش قوماندانلىقنى ئۆز قولىغا ئالالمايتتى. شۇڭا ئۇ بىزانسلارنىڭ بۇ مۇستەھكەم چېگرىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈش ئۈچۈن دەۋمەتۇل جەندەل يولى بىلەن جەنۇبقا مېڭىپ، ئاندىن شىمالغا بۇرۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ، سۈرىيەنىڭ بۇسرا شەھىرىنىڭ شەرقىگە يېتىپ بارغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھاۋران تېغى (ھازىرقى ئىسمى دۇرزۇ تېغى) دەپ ئاتىلىغان يانار تاغنىڭ ئالدىغا چىققانلىقىنى بىلدى. بۇ تىك قىيالىق تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈش بەكمۇ قىيىن بولغاچقا، ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن بۇ تاغنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تەدمۇرغا يېتىپ باردى. شۇ سەۋەبتىن، قەريەتەين يولى بىلەن غەربكە، ئۇ يەردىن سەنىييەتۇل ئۇقەب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، شامنىڭ شەرقىدىن بۇسراغا كىردى. بۇ يەرنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن يەرمۇكقا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇرۇش تاكتىكىسى بار ئىدى. ئۇ ئاۋۋال دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئىچكىرىسىگىچە ھۇجۇم قىلىپ كىرەتتى، ئاندىن ئالاقزادە بولغان دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىنى ئۇراتتى. ئۇندىن كېيىن دۈشمەن قوشۇنىغا ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم باشلاش ئۈچۈن ئارقىغا چېكىنەتتى. بۇنى كۆرگەن دۈشمەن ئۇنىڭ يەنە باشقىچە پىلانلارنى تۈزۈپ، پۇرسەت تاپقاندا قايتا ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ، قاتتىق ساراسىمىگە چۈشەتتى. ئۇندىن باشقا، خالىد دۈشمەننىڭ ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ كېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر دائىم ئارقا تەرەپكە ياردەمچى قوشۇن قويۇپ ماڭاتتى.

ئۇ ئىراقتىكى فەتىھلىرىدە پۈتۈنلەي مۇشۇ تاكتىكىنى قوللاندى. چۈنكى ئۇ ئىراق تۇپراقلىرىغا خېلى ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەن بولۇپ، سەۋاد رايونى ۋە ھىرا تەرەپتىكى دۈشمەن قوشۇنلىرى تېخى تەلتۆكۈس يوقىتىلمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزلىرى بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزگەن بەزى يۇرت خەلقلىرىگە تېخى تولۇق ئىشەنچ باغلىغىلى بولمايتتى. چۈنكى ئۇلار تۇرۇپ ـ تۇرۇپ بۇ ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلىپ قويۇۋاتاتتى. شۇنداقلا، خالىد بىزانس تۇپراقلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ بولغان بولۇپ، ئىسلام قوشۇنى بىلەن تېخى ئۇچرىشىپ بولالمىغانىدى.

بولۇپمۇ، خالىد ئۆزى فەتىھ قىلغان پارس تۇپراقلىرى ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، بىزانسلار ئۇنىڭ پارسلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، چېگرا رايونلىرىغا بولغان مۇھاپىزەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق كونترول قىلىۋاتاتتى.

نىھايەت، خالىد ئىراقتىن بىللە ئېلىپ ماڭغان ئەسكەرلىرى بىلەن يەرمۇكقا يېتىپ باردى. خالىد يېتىپ بارغاندا، بىزانس قوشۇنلىرىمۇ ئۇرۇشقا پۈتۈنلەي تەييارلىنىپ بولغانىدى. ئۇ مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئالدى بىلەن اﷲ قا ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا مۇنۇ تارىخىي خىتابنى قىلدى:

“بۈگۈن اﷲ تائالا (مەيدانغا كېلىشىنى) تەقدىر قىلغان ئەڭ مۇھىم كۈنلەردىن بىرىدۇر.

بۈگۈن ھېچكىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشى بىلەن كۆرەڭلەيدىغان ياكى ئەمرگە بويسۇنماي، باشباشتاقلىق قىلىدىغان كۈن ئەمەس. جىھادىڭلاردا سەمىمىي بولۇڭلار. ھەر بىر ئىش ـ ھەرىكىتىڭلارنى باشقىلارنىڭ مۇكاپاتلىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىڭلار! بۈگۈن (كېيىنكى كۈنلەردە) ياد ئېتىلىدىغان ۋە ھېسابى اﷲ قا بېرىلىدىغان كۈندۇر. ھەرگىز ئۆزەڭلارنى مەلۇم بىر جەڭ قېلىپىغا (تاكتىكىسىغا) سېلىۋالماڭلار ياكى ئۆزەڭلارغا ئىشىنىپ كېتىپ يالغۇز ھەرىكەت قىلماڭلار. بۇنداق ئىشنى ئۆزەڭلارغا جائىز كۆرمەڭلار ۋە قىلماسلىققا تىرىشىڭلار! ئۆزەڭلار بۇيرۇلمىغان بىر ئىشنى بېشىڭلاردىكى ئەمىرلىرىڭلارنىڭ پىكىر ۋە كۆرسەتمىسى بويىچە قىلىڭلار!”

خالىدنىڭ سۆزى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئەسكەرلەر: “ئۇنداقتا، سېنىڭ كۆرسەتمەڭ قانداق؟” دەپ سوراشتى. خالىد ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

“ھازىرقى ئەھۋالىڭلار سىلەردىن بەكرەك (كەينىڭلاردا قالغان) مۇسۇلمان خەلق ئۈچۈن بەكمۇ پايدىسىز، ئەمما مۇشرىكلارغا نىسبەتەن (ئۇلار ياردەمچى قوشۇن بىلەن شۇ قەدەر كۈچلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) بەكمۇ پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ.

مەن شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىپ يەتتىمكى، دۇنيا (مەنسەپ) ھېرىسى سىلەرنى بىر ـ بىرىڭلاردىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىپتۇ. سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، اﷲ دىن قورقۇڭلار! شۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭلاركى، ھەربىرىڭلار ئايرىم ـ ئايرىم يۇرتتىن كېلىپ، بۇ يەردە بىرلەشتىڭلار. ئەگەر ئۆز ئەمىرلىرىڭلارغا بويسۇنساڭلار، مەملىكىتىڭلار بۇنىڭ بىلەن زىيان تارتمايدۇ. ياق، ئەگەر (تېخىمۇ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىش خىيالىدىكىلەرنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن) پۈتۈن قوشۇن سىلەرگە بوي ئەگكەن تەقدىردىمۇ مەملىكىتىڭلار بۇنىڭ بىلەن چوڭ پايدىغا ئېرىشىپ كەتمەيدۇ. ئاراڭلاردىكى بىرىڭلارغا بويسۇنۇش بىلەن اﷲ ۋە خەلىپىنىڭ نەزىرىدىكى ئورنۇڭلار تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، ھەممىڭلار غەيرەت قىلىڭلار! چۈنكى ئالدىڭلاردىكى دۈشمەن جەڭگە تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولدى. بۈگۈن شۇنداق بىر كۈنكى، بۇ كۈننىڭمۇ ئەتىسى بار (بۈگۈن ـ كېيىنكى كۈنلەردە ياد ئېتىلىدىغان ۋە ھېسابى چوقۇم اﷲ قا بېرىلىغان بىر كۈن دېمەكچى ـ ت).

شۇنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلاركى، ئەگەر بۈگۈن دۈشمەننى كەينىگە چېكىندۈرەلىسەك، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق چېكىندۈرەلەيمىز. ئەگەر ئۇلار بىزنى يېڭىۋالىدىغان بولسا، بۇندىن كېيىن بىز ئۆزىمىزنى ھەرگىز ئوڭشىۋالالمايمىز.

شۇڭا ھەممىڭلار ئۆزەڭلارنى سەگەك تۇتۇڭلار. ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئەمىرلىرىمىزنى سايلاپ چىقايلى! بۈگۈن بىر قىسمىمىز قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيلى، ئەتە يەنە بىر قىسمىمىز، ئۆگۈنلۈككە يەنە بىر قىسمىمىز بۇ ۋەزىپىنى ئۆتكۈزىۋالسۇن. شۇ تەرىقىدە نۆۋەت بىلەن ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلايلى. ئەمما بۈگۈن بۇ ئىشنى ماڭا قويۇپ بېرىڭلار. بۈگۈنكى ۋەزىپىنى ئۆزەم بىر تەرەپ قىلاي!”

خالىد ئىبنى ۋەلىد بۇ تارىخىي نۇتقىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، قوشۇننى 36 ياكى 40 پولكقا بۆلدى. ھەر بىر پولكتا مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەر بار ئىدى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئەمر ئىبنى جەرراھ قوشۇننىڭ ئوتتۇرا قانىتىغا، ئەمر ئىبنى ئاس ۋە شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنە قوشۇننىڭ ئوڭ قانىتىغا، يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان سول قانىتىغا مەسئۇل قىلىندى.

ئۇ كۈنكى پولك كوماندىرلىرىنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە ئىدى:

“كەئكە ئىبنى ئامىر، مەزئۇر ئىبنى ئەدىي، ئەيياد ئىبنى غەنەم، ھىشام ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، سۇھەيل ئىبنى ئامىر، ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھىل، خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئوغلى ئابدۇرراھمان، ھەبىب ئىبنى مەسلەمە، سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە، سەئىد ئىبنى خالىد ئىبنى ئەل ئاس، خالىد ئىبنى سەئد ئىبنى ئەل ئاس، ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس، مۇئاۋىيە ئىبنى ھۇدەيج، زۇبەير ئىبنى ئەۋام، زىرار ئىبنى ئەزۋەر.”

ئەبۇدەردا قوشۇننىڭ قازىسى، ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب قوشۇننىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنىڭ مەسئۇلى، قۇبات ئىبنى ئۇشەيم تۇرشاۋۇل بېگى، مىقداد ئىبنى ئەمر بولسا، قوشۇننىڭ مەشقاۋۇلى بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇ كۈنكى يەرمۇك قوشۇنىنىڭ ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق ساھابە بولۇپ، بەدر غازىتىغا قاتناشقان يۈز پالۋانمۇ بۇ قوشۇندا ئىدى. ئەبۇسۇفيان ئۇرۇش تەييارلىقىدىكى قوشۇننى ئارىلاپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن: “اﷲ، اﷲ! سىلەر ئەرەب مىللىتىنىڭ پالۋانلىرى ۋە ئىسلامنىڭ قوغدىغۇچىسى سىلەر. ئالدىڭلاردىكىلەر بولسا، بىزانس لەشكەرلىرى ۋە شېرىك ئەقىدىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى. ئى اﷲ! بۈگۈن سەن (ۋۇجۇدقا كېلىشىنى) تەقدىر قىلغان كۈنلەردىن بىرىدۇر. ئى اﷲ! شۇ بەندىلىرىڭگە زەپەر ئاتا قىلغىن!” دەپ دۇئا قىلىپ، قوشۇننى غەيرەتلەندۈرەتتى.

نىھايەت، ئۇرۇش بەكمۇ شىددەت بىلەن باشلاندى. قوشۇن بىر ـ بىرىگە كىرىشىپ، ئاتلىق ئەسكەرلەر بىر ـ بىرىنى قوغلاشقا باشلىدى. جەڭ تازا قىززىغان بىر پەيتتە، ماھمىييە ئىبنى زەنىم پايتەخت مەدىنەدىن بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدى. خەۋەردە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەنلىكى؛ خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ باش قوماندانلىقتىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەبۇئۇبەيدەنىڭ تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئەمر بىلدۈرۈلگەنىدى. ئەمما خالىد ئىبنى ۋەلىد قوماندانلىق شىتابىنىڭ خەۋەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا:

“مەدىنىدىن سالام بار، ئارقىمىزدىن ياردەمچى قوشۇن كېلىۋېتىپتۇ” دەپلا جاۋاب بەردى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھىجرەتنىڭ ئون ئۈچىنچى يىلى جەمادىيەل ئاخىر ئېيىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنى (دۈشەنبە) ۋاپات بولدى. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى ئىككى يىل، ئۈچ ئاي، ئون كۈن داۋاملاشقان بولدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى دەۋرىدە فەتىھ قىلىنغان يەرلەر ھەرقانچە ئازدەك كۆرۈنسىمۇ، تۆۋەندىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىق لازىم:

بىرىنچى، ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى بەكمۇ قىسقا داۋاملاشتى.

ئىككىنچى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ھەر تەرىپىنى قاپلىغان مۇرتەدلىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش بىلەن ئۆتكەچكە، باشقا فەتىھ ئىشلىرىغا پۇرسەت تاپالمىدى.

ئۈچىنچى، قانداقلا بولمىسۇن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى دەۋرىدە بىر تەرەپتىن بىزانسلار، يەنە بىر تەرەپتىن پارسلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ئىسلام دۈشمەنلىرىنى ئالاقزادە قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى ۋە ئۇرۇش ـ توقۇنۇشتىكى قابىلىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مۇرتەدلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان توختاۋسىز ئۇرۇش ئاياغلىشىپ، ئۇلارنى شەرتسىز بويسۇندۇرغاندىن كېيىن كۆڭلى ئازغىنە بولسىمۇ ئارام تېپىپ، باشقا يەرلەرنىڭ فەتىھ قىلىنىشى ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىشكە باشلىدى.

بۇ قوشۇنلار ھەم ئىسلام دەۋاسىنىڭ ئەڭ چوڭ توسقۇنى ھەمدە مۇرتەدلەرنى ۋە خرىستىئانلاشقان ئەرەب قەبىلىلىرىنى مۇسۇلمانلارغا قارشى كۈشكۈرتكەن ئىككى پەۋقۇلئاددە كۈچ (بىزانس ۋە پارسلار) نىڭ ھەيۋەت ۋە نوپۇزىغا ئېغىر دەرىجىدە زەربە بەردى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىلىرىدىن كېيىن، ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، ئىسلامنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ۋە ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان خەلىپىلەرنىڭ بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئورۇنلاپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاشقا باشلىغانىدى.

يېشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات يېشىغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى (ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن)، مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي قالايمىقانچىلىققا چۈشۈپ كېتىشىدىن خاۋاتىرلىنىپ، يۈز بېرىشى ئېھتىمالغا يېقىن بولغان بۇ ئەھۋالغا قارشى تەدبىر ئالماقچى بولدى. چۈنكى خەلق (ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن) خەلىپىلىك ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىپ قېلىشى؛ بۇ ئورۇنغا مۇناسىپ كىشىلەر مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىدىن قورقۇش تۇيغۇسى بىلەن چەتكە چىقىپ، بىرمۇنچىلىغان لاياقەتسىز كىشىلەر بۇ ئورۇنغا كېلىش ئۈچۈن بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى.

ئۇ بۇ ئىشلارنى ئويلاۋېتىپ، تۇيۇقسىزلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشى ھېچكىمنىڭ ئەقلىگە كىرىپ چىقمىغاچقا، ئۇ ۋاپات بولغاندا، مۇسۇلمانلار ھاڭ ـ تاڭ قېلىشتى ۋە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي يۈرۈشتى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئەھۋالغا قايتا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يەر يۈزىدە اﷲ نىڭ نىزامىنى ئىجرا قىلىدىغان خەلىپىنى ئالدىن سايلاپ قويۇش شەرت ئىدى. بۇ ئىشنى باشقىلار بىلەن كېڭىشىپ ھەل قىلىش كېرەك ئىدى ـ ئەلۋەتتە!

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسلىھەتلىرىنى ئالغان چوڭ ساھابىلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بۇ ئورۇنغا ئەڭ لايىق ۋە مۇناسىپ نامزات ئىكەنلىكىگە قارار بەردى. ئۇنىڭ قىيىن كۈنلەردە ئىسلام ئۈچۈن كۆرسەتكەن جىددىي ۋە كەسكىن پوزىتسىيىلىرى، سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرى، ھەق ۋە توغرىنى قوللاش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئۇنىڭ ھەيۋىتى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ كۆزى ئالدىدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى. شۇنداق بولسىمۇ، كېڭەش ئەزالىرى بولغان ساھابىلەرگە ئۆز كۆز ـ قارىشىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئېلىنغان قارار تېخىمۇ توغرا بولاتتى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئاغرىپ قالدى ۋە كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ )ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسلىھەتىنى ئالغان) چوڭ ساھابىلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

“كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ئاغرىپ قالدىم. ئۆزەمنى ياخشى بولالمايدىغاندەك ۋە يېقىندا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. اﷲ تائالا ئەينى ۋاقىتتا سىلەرنىڭ ماڭا قىلغان بەيئىتىڭلارنى ئىختىيارىي قىلدى، مېنىڭ سىلەرگە قىلغان ئەھدەمنى بىكار قىلدى، سىلەر ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بەردى. ئەمدى ئۆزەڭلار كىمنى خالىساڭلار، شۇنى ئۆزەڭلارغا خەلىپە قىلىپ سايلاڭلار. ئەمما بۇ ئىشنى مەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن بىر تەرەپ قىلساڭلار، تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

“

ئەمما ئۇلار تۇنجى كېڭەشتە بىر قارارغا كېلەلمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ـ بىرىنى كۆرسىتىشىپ، مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىدىن قورقۇش تۇيغۇسى بىلەن خەلىپىلىك تەكلىپىنى قەتئىي قوبۇل قىلمىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىدىن باشقىسىنى بۇ ئىشقا ئەڭ مۇناسىپ ۋە لايىق، ئۆزلىرىنى بولسا لاياقەتسىز دەپ قارايتتى. شۇڭا ئۇلار قايتا يىغىلغان ۋاقىتتا ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە مۇنداق دېدى:

“ئى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىسى! بىز سېنىڭ پىكرىڭنى قوللايمىز. سەن كىمنى لايىق كۆرسەڭ، بىز شۇنىڭغا بويسۇنىمىز.” ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇلارغا:

“ئۇنداقتا، ماڭا بىرئاز مۆھلەت بېرىڭلار. اﷲ نىڭ ئەمرلىرىگە ئەڭ ياخشى رىئايە قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئادالىتىنى خەلق ئارىسىدا ئەڭ ياخشى ئىجرا قىلىدىغان بىرىنى ئويلىشىپ كۆرەي” دېدى. ئاندىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن:

“سەن ھەزرىتى ئۆمەرگە قانداق قارايسەن؟” دەپ سورىدى. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف:

“ھەزرىتى ئۆمەرنى سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىسەن” دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما ھەزرىتى ئەبۇبەكرى:

“شۇنداق بولسىمۇ، مەن سېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىڭنى بىلىشنى خالايمەن” دېدى. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بۇ قېتىم:

“مەن ئۆمەرنى سەن ئويلىغاندىمۇ ياخشىراق ئويلايمەن” دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھەزرىتى ئوسماننى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ئوخشاش سوئاللارنى سورىدى. ھەزرىتى ئوسمان:

“مېنىڭ بىلىدىغىنىم، ئۆمەرنىڭ ئىچىنىڭ تېشىدىن تېخىمۇ بەك پاكلىقى. ئارىمىزدا ئۇنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىدىغان بىرى يوق” دېدى. بۇ سۆزلەرگە بەكمۇ سۆيۈنگەن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا:

“قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر ئۇنىڭ (ئۆمەر) دىن ۋاز كەچسەم، ھەرگىز سېنى تاشلاپ باشقىسىغا ئۆتۈپ كەتمىگەن بولاتتىم” دەپ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ ۋە مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى. ئاندىن ئەنسارلاردىن ئۇسەييىد ئىبنى ھۇزەيرنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ئوخشاش سوئاللارنى سورىدى. ئۇسەييىد:

“ئۆمەرنى سەندىن قالسا ئەڭ خەيرلىك ئىنسان دەپ بىلىمەن. ھەممە نەرسىگە ياخشى كۆزى بىلەن قارايدۇ، ئەمما يامان ئىشلارغا قاتتىق ئاچچىقلىنىدۇ. بەلكىم ئىچكى ھېسسىياتى سىرتقى مۇئامىلىسىدىن تېخىمۇ خەيرلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىشقا ئۇنىڭدىمۇ لايىقراق بىرى يوق” دەپ جاۋاب بەردى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بۇ كىشىلەردىن كېيىن، سەئد ئىبنى زەيد بىلەن بىرلىكتە ئەنسار ۋە مۇھاجىرلاردىن بىرمۇنچىلىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى ئالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشىدىن باشقا ھەممەيلەن ھەزرىتى ئۆمەر ھەققىدە ياخشى پىكىرلەرنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۆمەرگە قارشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئۇ شەخس پەقەت ئۇنىڭ ئەسەبىي ۋە بۇيرۇقۋاز ئىكەنلىكىدىن شىكايەتچى ئىدى.

يەنە بىرى: «ئۆزىدىن كېيىن ھەزرىتى ئۆمەرنى خەلىپە قىلىپ سايلاپ قويدى» دەپ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە قىيداپ يۈردى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا: “ياق! قەسەم قىلىمەنكى، بۇ سۆزۈڭ ھەرگىز توغرا بولمىدى. ئۇ سىلەر ئۈچۈن بەكمۇ خەيرلىك بىر ئىنسان بولىدۇ. يەنە شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سېنى خەلىپە قىلىپ قويغان بولسام، سەن ئۆزەڭنى ھەممىدىن ئۈستۈن چاغلاپ، بەكمۇ كۆرەڭلەپ كەتكەن بولاتتىڭ. اﷲ سېنى ئۇ ئورۇندىن چۈشۈرگەنگە قەدەر ھېچكىم ساڭا چېقىلالمايتتى. سەن ئۆزەڭچە مېنى قايمۇقتۇرۇپ، دىنىمغا قارشى بىر ئىش قىلىشىم ئۈچۈن مېنى يولۇمدىن ئازدۇرماقچى بولۇۋاتامسەن؟

اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر ئۆمەرگە بويۇنتاۋلىق قىلغىنىڭنى ياكى ئۇنىڭ ھەققىدە يامان گەپ ـ سۆز قىلغىنىڭنى ئاڭلايدىغان بولسام (ھايات چېغىمدا دېمەكچى)، مەن سېنىڭ كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىۋېتىمەن!” دەپ قاتتىق تەگدى.

بۇ ئىشتىن كېيىن، ئوسمان بىلەن ئەلى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى يوقلاپ كىردى. ئۇلار تېخى ئېغىز ئاچماي تۇرۇپ، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇلاردىن:

“ياكى سىلەرمۇ ئۆمەر ھەققىدە بايىقى پالانچىغا ئوخشاش ئويلامسىلەر؟” دەپ سورىدى. ئۇ ئىككىسى ھەيران بولغان ھالدا:

“ئى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىسى! ئۇ نېمە دېدى؟” دېيىشتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى:

“ئۆمەرنىڭ سىلەردىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تايىنى يوق گەپلەرنى قىلدى” دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئوسمان:

“قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ئادەم بەكمۇ خاتا گەپ قىلىپتۇ. ئۆمەر ئەسلىدە ھەم كۈچلۈكلۈكى ھەم ئىسلامدىكى نوپۇزى بىلەن باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە” دېدى. ھەزرىتى ئەلىمۇ:

“شۇنداق! ئۇ ئادەم ھەقىقەتەن خاتا گەپ قىلىپتۇ. ئۆمەر ئەسلىدە سەن بىلگەندەكلا بىر ئىنسان. سەن ئۇنىڭ ھەققىدە نېمە ئويلىغان بولساڭ، ئۇمۇ شۇنىڭدىنلا ئىبارەت. (ئۆمەر بۇرۇندىن تارتىپ سېنىڭ يېنىڭدا خىزمەت قىلىپ كەلگەچكە) بىز ھەممە ئىشىمىزنى ئۇنىڭ مەسلىھەتى بىلەن قىلىمىز ھەم ئۇنىڭدىن كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز.

سەن ئۆز قارارىڭنى بېرىۋەرگىن، ئۇ ئادەمنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالما! ئەگەر ئۆمەر ھەقىقەتەن سەن ئويلىغاندەك چىقىپ قالسا، ئۇ ھالدا سېنىڭ ئارزۇيۇڭ ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ. ئەگەر سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك چىقماي قالسا، بۇمۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى سەن پەقەت ھەر ئىشنىڭ بىز ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك بولۇشنىلا ئويلايسەن” دەپ ھەزرىتى ئوسماننى تەستىقلىدى.

ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتتى. بىر كۈنى ئابدۇرراھمان ئبنى ئەۋف ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى يوقلاپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ خېلى ياخشىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ:

“اﷲ قا شۈكرىلەر بولسۇن! خېلى ياخشىلىنىپ قالغاندەك تۇرىسەن” دېدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى:

“شۇنداقمۇ؟” دەپ مەمنۇنلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولدى. ئابدۇرراھمان:

“شۇنداق” دېدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا:

“ئەمما مەن بەكمۇ ئىزتىراپلىنىۋاتىمەن. (ئى مۇھاجىرلار جامائىتى!) بولۇپمۇ سىلەرنى ئويلىغانسېرى بۇ ئىزتىراب تېخىمۇ ئېشىۋاتىدۇ. سىلەرنى باشسىز قويۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاراڭلاردىكى ئەڭ نادىر شەخسنى سىلەرگە باش قىلىپ قويدۇم. بۇ ۋەزىپىنى بۇندىن كېيىن باشقىسى ئەمەس، ئۇ ئورۇنلايدۇ.

كۆرۈپ تۇرۇپسىلەركى، دۇنيا نېئمەتلىرى ئەمدى سىلەرگە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىدى. دۇنيا كېلىشنى خالىسا، چوقۇم كېلىدۇ. ۋە شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى، يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ، مەخمەل سېلىنچىلاردا ئولتۇرىسىلەر.

ۋە يەنە ئەزەربەيجان يۇڭلىرىدىن قىلىنغان تۆشەكلەردە يانپاشلىنىپ شۇنداق ياتىسىلەركى، يېتىۋېرىپ زېرىكىپ كېتىسىلەر (يۇمشاق نەرسىلەرمۇ بېقىنىڭلارغا پاتىدىغان بولۇپ كېتىدۇ). اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئۇ كۈنلەردە ھەقسىزلىككە ئۇچراپ، بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىشى، ئۇنىڭ مال ۋە مەنسەپ ھېرىسى بىلەن دۇنياغا بېرىلىپ كېت شىدىن تېخىمۇ خەيىرلىكتۇر.

ئاندىن شۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئەتە ـ ئۆگۈن كىشىلەرنى تۇنجى قېتىم ئوڭ ـ سول دەپ ئايرىپ، ئۇلارنى يولدىن چىقىرىسىلەر. ئى رەھبەر! يول ئۆز يولىدا داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئىنسانلارنى يولدىن چىقارماڭلار، يولنىڭ ئاخىرى (اﷲ نىڭ تەقدىرى بىلەن) يا نۇرلۇق بولىدۇ ياكى قاراڭغۇ…

“

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف: “اﷲ ساڭا سالامەتلىك ۋە شىپا ئاتا قىلسۇن! بۇنچىلىك غەم ـ ئەندىشە كېسىلىڭنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ھازىر كىشىلەر ساڭا بولغان كۆزـ قارىشى ئېتىبارى بىلەن ئىككىگە ئايرىلماقتا. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سەن بىلەن ئوخشاش كۆزقاراشتا بولۇپ، سەن بىلەن بىللە بولغانلاردۇر. يەنە بىر قىسمى سەن بىلەن قارشى پىكىردىكىلەر بولۇپ، پەقەت سېنى تەنقىدلەش ئارقىلىق ساڭا يول كۆرسەتمەكچى بولۇشىۋاتىدۇ. ئۇلار يا سېنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ خالىغىنىچە بولغاندا، ئاندىن سەن بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئەمما سەن ھەردائىم توغرا يولدا ماڭدىڭ، ئىسلاھ قىلدىڭ. شۇنداقلا، دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن پەرىشان بولۇپ باقمىدىڭ” دەپ ئۇنىڭغا بولغان رازىمەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر ساھابە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئۆز ئورنىغا ھەزرىتى ئۆمەرنى قويماقچى بولۇپ، كېڭەش ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى يوقلاپ كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن:

“ئۆمەرنىڭ قانچىلىك ئەسەبىي ۋە قوپال ئىكەنلىكىنى سەن ئوبدان بىلىسەن. تېخى بېشىمىزغا چىقسۇن، ئۇ چاغدا قانچىلىك قوپاللىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەتە ـ ئۆگۈن رەببىڭ سەندىن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقىڭنى سورىسا، سەن نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن؟” دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى:

“مېنى يۆلەپ قويۇڭلار! بىر ئۆز ئولتۇرۇۋالاي” دېگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

“خۇدا ھەققى جاۋاب بېرىڭلار! سىلەر مېنى قورقۇتماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدا زۇلۇم قىلغان كىشى اﷲ تىن قورقسۇن! رەببىم مەندىن ئۇ سوئالنى سورىسا، مەن مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىمەن: ئى رەببىم! سېنىڭ بەندىلىرىڭنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئۇلارغا خەلىپە قىلدىم.”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بۇ جاۋابنى بەرگەندىن كېيىن، سوئال سورىغان ئۇ ساھابىگە قاراپ: “مېنىڭ دېگەنلىرىمنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزگىن، ئاڭلىدىڭمۇ؟” دەپ ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى. ئاندىن يەنە ئورنىغا يېتىپ، ھەزرىتى ئوسماننى چاقىرتتى ۋە ئۇنىڭغا:

“قېنى يازغىن! بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم! كاپىرمۇ ئىشەنگەن، پاسىق كىشىمۇ قاچانلا بولمىسۇن يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەستىقلىغان ۋە يالغانچىمۇ توغرا دەپ قارىغان ئۆلۈم ۋەقەسى بىلەن دۇنيادىن چىقىپ، اﷲ نىڭ دەرگاھىغا مېڭىش ئالدىدا تۇرغان قۇھافە ئوغلى ئەبۇبەكرى بۇ ۋەسىيەتنامىنى قالدۇردى ۋە مۇنداق دېدى: مەندىن كېيىن ئورنۇمغا….. “

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سۆزىنى تۈگىتىپ بولالمايلا ھوشىدىن كەتتى. ئورنىغا چىقىدىغان شەخسنىڭ ئىسمى ئاغزىدىن تېخى چىقمىغانىدى. ئەمما ھەزرىتى ئوسمان بۇ جۈملىنى: “مەندىن كېىين ئورنۇمغا ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى تاللىدىم” دەپ يازدى. بىر ئازدىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھوشىغا كېلىپ:

“ نېمە دەپ يازدىڭ؟” دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئوسمان يازغان جۈملىسىنى ئوقۇپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سۆيۈنۈپ كەتتى ۋە تەكبىر كەلتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

“كۆردۈڭمۇ؟ ئەھۋالىم بىردىنلا يامانلاپ كېتىۋېدى، ئۆلۈپ كەتسەم خەلق ئىختىلاپلىشىپ قالارمۇ دەپ بەكمۇ قورقۇپ كەتتىم. اﷲ ئىسلام نامىدا قىلغان بۇ ساپدىللىقىڭ ئۈچۈن ساڭا خەير ـ ئېھسان ئاتا قىلسۇن! اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئامانەتكە لايىق بىر ئىنسان سەن” دەپ ھەزرىتى ئوسماننى ماختىدى ۋە ۋەسىيىتىنىڭ قالغان قىسمىنى تاماملاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

“ئۇنىڭ (ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ) سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار ۋە ئىتائەت قىلىڭلار!

ماڭا كەلسەك، اﷲ نىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يولىدا (ئۇنىڭ دىنىي ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىشتا) مەيلى ئۆزەم ياكى سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئىشنى قىلىشقا تىرىشتىم.

ئەگەر ئۆمەر سىلەرنى ئادالەت بىلەن باشقۇرسا، ئۇ مېنىڭ ئويلىغان يېرىمدىن چىققان بولىدۇ. ياق! ئەگەر ئۇ ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلىسا، ئۇ چاغدا سىلەر ئۆزەڭلار تېرىغان ھوسۇلنى يىغىۋالغان بولىسىلەر. ئۇندىن باشقىسىنى مەن بىلمەيمەن. زالىملارغا كەلسەك، ئۇلار كېيىنچە كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. اﷲ سىلەرگە سالامەتلىك، رەھمەت ۋە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سۆزىنى تۈگىتىپ، ھەزرىتى ئوسمانغا ۋەسىيەتنامىنى مۆھۈرلىشىنى بۇيرىدى. ئاندىن يېنىغا مۆھۈرلەنگەن ۋەسىيەتنامىنى، ھەزرىتى ئۆمەرنى ۋە ئۇسەييىد ئىبنى ئەل خۇدەيرنى ئېلىپ، خەلق توپلاشقان يەرگە كەلدى ۋە ئۇلارغا:

“ئى خالايىق! مەن ئۆزەمدىن كېيىن ئورنۇمغا چىقىدىغان كىشىنى سايلىدىم. سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟” دېدى. خەلق:

“ئى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىسى! بىز بۇنىڭغا رازى بولىمىز” دېيىشتى. دەل شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەلى ئورنىدىن تۇرۇپ:

“ئۆمەردىن باشقىسىغا رازى بولمايمىز. ئەگەر ئۆمەر بولۇپ قالسا، بىز رازى بولىمىز” دەپ ئېتىراز بىلدۈردى.

ئاندىن خەلق ئاممىسى پىكىر بىرلىكى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنى خەلىپە قىلىپ سايلىدى ۋە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. بۇ مەنزىرىدىن زوقلانغان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى قولىنى كۆتۈرۈپ مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى:

“ئى اﷲ! مەن پەقەت خەلقنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىلدىم. مەندىن كېيىن ئۆز ئارا جېدەل ـ ماجراغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدىم. يامان ئاقىۋەتكە قېلىش ئېھتىمالىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن (سەن ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشى بىلگۈچىسەن) ئۆز پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خەيىرلىك، ئەڭ كۈچلۈك، نىشانغا ۋە توغرا يولغا ئەڭ يېقىن بىرىنى تاللىدىم. تۇنجى كېڭەشتىمۇ ئۇ مېنىڭ يېنىمدا بولۇپ، بەندىلىرىڭگە مېنى خەلىپە قىلىپ سايلاتقانىدى.

ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر. ھاياتلىرى سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. باشقىلارنى ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق قىل ۋە ئۇنى كامىل خەلىپىلەردىن ئەيلە! ئۇ، رەھمەت پەيغەمبىرىڭنىڭ ھىدايەت يولىدىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سالىھ كىشىلەرنىڭ يولىدىن ماڭسۇن. خەلقىنى ئۇنىڭغا ئىتائەتكار قىلغىن!”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بۇ دۇئادىن كېيىن، ئۆز ئورنىغا قايتىپ ھەزرىتى ئۆمەرنى يېنىغا چاقىردى ۋە ئۇنىڭغا ۋەسىيەتلىرىنى بىلدۈردى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ۋەسىيەتلىرى

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ۋەسىيەتلىرى”

مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دەيدۇ:

“دادام ئەبۇبەكرى سەكراتتىكى چېغىدا مۇنداق دېگەنىدى: «مۇسۇلمانلارغا خەلىپە بولۇپ سايلانغاندىن بېرى ئۇلارنىڭ بىر دىنار ياكى بىر دەرھەمىنى ھەقسىز يېۋالمىدۇق. يېگەنلىرىمىز ئۇلاردىن ئاشقىنى، كىيگەنلىرىمىز بولسا، ئۇلار كىيگەننىڭ ئەڭ ناچارلىرى بولدى. ھازىر ئۆينى ئاختۇرۇپ بېقىڭلار. مەن خەلىپە بولغاندىن بېرى (ئۆز مېلىمدىن باشقا) نېمە تاپالىساڭلار، ئۇنى كېيىنكى خەلىپىگە تاپشۇرۇپ، قەرزىڭلارنى ئادا قىلىڭلار. چۈنكى مەن بۇلارنى ئىشلەش جەريانىدا ئۆزەمگە ھالال ھېسابلايتتىم ۋە ئۇلار ئارقىلىق ئېھتىياجىمنى قاندۇراتتىم.» بۇ ئارىدا: «بۈگۈن كۈنگە نېمە؟» دەپ سورىدى. ئۇنىڭغا: « بۈگۈن كۈنگە دۈشەنبە» دەپ جاۋاب بېرىلدى. ئۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايسى كۈنى ۋاپات بولغانىدى؟» دەپ سورىدى. ئۇنىڭغا يەنە: «دۈشەنبە كۈنى» دەپ جاۋاب بېرىلدى. ئاندىن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېپىنىنىڭ قانداق قىلىنغانلىقىنى سورىدى.

ئۇنىڭغا كېپەننىڭ كۆينەكسىز، سەللىسىز پەقەت ئۈچ پارچە ئاق ماتادىن قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى: «شۇ تامبىلىمنى يۇيۇپ، ماڭا كېپەن قىلىڭلار» دېدى. ئۇنىڭغا: «اﷲ قا كۆپ شۈكرى! بىزگە خېلى كۆپ رىزق ئاتا قىلدى. ساڭا ئىشلىتىلمىگەن، يېڭى نەرسىنى كېپەن قىلىمىز» دەپ جاۋاب بېرىلدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى: «تىرىك كىشىلەرنىڭ يېڭى نەرسىلەرگە بولغان ئېھتىياجى كۆپ بولىدۇ. ئۆلگەن ئادەم چۈرۈپ كېتىدۇ (ئۇنى يېڭى نەرسە بىلەن كېپەنلەشنىڭ كېرىكى يوق)» دەپ ئېتىراز بىلدۈردى. ئاندىن: «ئۆمەرنىڭ زورلىشى بىلەن (مائاش ھېسابىدا) دۆلەت خەزىنىسىدىن ھازىرغىچە جەمئىي ئالتە مىڭ دەرھەم پۇل ئالغانىدىم. ئۇ پۇل شۇ تامنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ.»”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خەلىپە دەۋرىدە مائاش ئورنىدا ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، تىجارىتىنى تاشلىغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن پۇلنىڭ ھەممىسى بۇ ئىدى.

ئۇ ھالدا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ خۇلاسىسى مۇنداق ئىدى:

بىرىنچى، زىممىسىدا قانچىلىك مال بولسا، ھەممىسى خەلىپە (ھەزرىتى ئۆمەر) نىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

ئىككىنچى، دۆلەت خەزىنىسىدىن ئالغان ھەممە مائاشى ئۈچۈن ئۆزىگە قاراشلىق بىر پارچە تېرىلغۇ يەرمۇ دۆلەت خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۈچىنچى، مەدىنىنىڭ ئەل ئالىيە دېگەن رايونىدىكى ئۆز زىممىسىدىكى يەرنىڭ بەشتىن بىرى سەدىقە قىلىپ تارقىتىلىدۇ، قالغان قىسمى بالىلىرى ئابدۇرراھمان، مۇھەممەد، ئەسما ۋە ئائىشەلەرگە بۆلۈپ بېرىلىدۇ. بۇ تەقسىماتتىن ھامىلە ئايالى ھەبىبە بىنتى ھارىجەدىن تۇغۇلىدىغان بالىسىمۇ بىر كىشىلىك نېسىۋىسىنى ئالىدۇ (كېيىن تۇغۇلغان بۇ بالىسى ئۇممۇ گۈلسۇم ئىدى).

تۆتىنچى، ئۇچىسىدىكى كىيىمى يۇيۇلۇپ كېپەن ئورنىدا قوللىنىلىدۇ.

بەشىنچى، ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئايالى ئۇمەيس بىنتى ئەسما تەرىپىدىن يۇيۇلىدۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئائىلىسى قالغان مال ـ مۈلۈكنىڭ ھەممىسىنى ھەزرىتى ئۆمەرگە ئەۋەتىپ بەردى. بۇلار بالىلىرىنى باقىدىغان سۇدانلىق بىر خىزمەتچى، يەر سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر تۆگە ۋە مەھسۇلاتى يىغىۋېلىنغان بىر پارچە تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر بۇلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكتى ۋە مۇنداق دېدى:

“اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن! ئەبۇبەكرى مۇنداق ئەستايىدىللىق قىلىش ئارقىلىق بىزگە ئۆرنەك بولۇش بىلەن بىرگە بىزنىمۇ مۇشۇنداق بولۇشقا ئۈندىمەكتە.”

ھەزرىتى ئۆمەر بۇ گەپلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي سۆزلەپ يۈردى.

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر بۇ گەپلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي سۆزلەپ يۈردى.”

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھايات ۋاقتىدا بالىسىغا بۇ ئامانەتلەرنى خەلىپىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاپىلىغانىدى. ئامانەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان چاغدا، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفمۇ شۇ يەردە ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئۆمەرگە:

“توۋا خۇدايىم! ھەممىسىنى ساتساڭ، بەش دەرھەمگىمۇ ئالمايدىغان بۇ نەرسىلەرنى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئائىلىسىدىن ئالماقچى بولۇۋاتىسەن” دەپ قاتتىق تەگدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا:

“ئۇنداقتا، مېنى نېمە قىل دېمەكچىسەن؟” دەپ سورىدى. ئابدۇرراھمان:

“بۇلارنى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەر!” دېدى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ:

“ياق! ھەزرىتى مۇھەممەدنى ھەق پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن اﷲ نىڭ نامىدا قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ خەلىپىلىكىم مەزگىلىدە بۇنداق ئىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سەكراتتا يېتىۋاتقان شۇ پەيتتە، ئۇنىڭ بۇ ئامانەتكە بولغان ئېھتىياجى تۈگىمىگەن بولسا ئىدى، بۇلارنى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرەتتىم.

ئۇنىڭ ئۆمرى مۇنداق بىر ئىشنى قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيدۇ (ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمىزنى بىز بىلىمىز).

ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئامانەتلەرنىڭ ئىچىدىكى تېرىلغۇ يەر ھەققىدە:

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئامانەتلەرنىڭ ئىچىدىكى تېرىلغۇ يەر ھەققىدە:”

“اﷲ ئەبۇبەكرىگە رەھمەت قىلسۇن! ئۇ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئارقىسىدن ھېچكىمنىڭ غەيۋەت ـ شىكايەت قىلماسلىقى ئۈچۈن بەكمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلدى. ئۇندىن كېيىن ۋەزىپىنى مەن تاپشۇرۇۋالدىم ۋە مانا تېرىلغۇ يەرنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەكچىمەن” دەپ تېرىلغۇ يەرنى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ قولىدىن ئالمىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئاغرىپ 15 كۈن ئەتراپىدا ياتتى. ۋە ھىجرەتنىڭ ئون ئۈچىنچى يىلى، جەمادىيەل ئاخىر ئېيىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنى (دۈشەنبە كېچىسى) ۋاپات بولدى. شۇ چاغدا ئاتمىش ئۈچ يېشىدا ئىدى.

مېيىتىنى ۋەسىيىتىگە بىنائەن ئايالى ئۇمەيس بىنتى ئەسما يۇيدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. مېيىت نامىزىنى ئۇنىڭ ئورنىغا خەلىپە بولغان ھەزرىتى ئۆمەر چۈشۈردى. قەبرىگە ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان، تەلھە ۋە ئابدۇرراھمان قاتارلىقلار قويدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋاپات بولغان كۈنى ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى:

“ئى ئەبۇبەكرى! اﷲ ساڭا رەھمەت قىلسۇن! شۇنىسى ھەقىقەتكى، سەن بۇ مىللەتنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن ئىسلامنى قوبۇل قىلدىڭ، كۈچلۈك ئىمانىڭ بىلەن باشقىلارغا قارىغاندا ئىسلامغا سەمىمىي باغلاندىڭ. ئېتىقادىڭ ھەممە كىشىدىن تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك، كۆزۈڭ ھەممىدىن بەكرەك توق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەممىدىن بەك يېقىن ئىدىڭ. ئىسلامنى ھەممىمىزدىن بەكرەك قوغدىدىڭ، مۇداپىئە قىلدىڭ. مۇسۇلمانلارغا ھەممىدىن بەك شەپقەتلىك ئىدىڭ. كۆرۈنۈش، ئەخلاق، توغرىلىق ۋە مۇئامىلەڭ ئېتىبارى بىلەن رەسۇلۇللاھقا بەكمۇ ئوخشايتتىڭ.

اﷲ تائالا سېنى ئىسلامغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆرسەتكەن سۆيگۈ ۋە سەمىمىيىتىڭ ئۈچۈن ياخشى نېئمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىسۇن!

كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى رەت قىلغان ۋاقىتتا، سەن ئۇنى تەستىقلىدىڭ. باشقىلار ئۇنىڭغا بېخىللىق قىلغان ۋاقىتتا، سەن بەكمۇ مەردلىك قىلدىڭ. باشقىلار كەينىگە چېكىنسە، سەن ھەردائىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى سەپتە تۇردۇڭ. شۇڭا اﷲ تائالا ئۇلۇغ كىتابىدا سېنى سىددىق نامى بىلەن سۈپەتلەپ: «ھەقىقەتنى ئېيتقانلار ۋە ئۇ (مۇھەممەد) نى تەستىقلىغانلار، ئەنە شۇلار اﷲ قا قارشى چىقىشتىن ئۆزىنى تارتقانلاردۇر» دېدى.

اﷲ تائالا بۇ ئايەتتە ھەزرىتى مۇھەممەدنى ۋە سېنى كۆزدە تۇتماقتا. اﷲ قا قەسەم بولسۇنكى، سەن ئىسلام ئۈچۈن بىر قەلئە، كاپىرلار ئۈچۈن بالائى ـ قازا ئىدىڭ ۋە شۇنداق ئىكەنلىكىڭنى ھەردائىم ئىسپاتلىدىڭ. ئەقىل ـ پاراسىتىڭنى زەئىپلەشتۈرمىدىڭ ۋە ھېچقاچان ئۆزەڭنى قورقۇنچاق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويمىدىڭ. سەن خۇددى بوران ـ چاپقۇندا مىدىر ـ سىدىر قىلىپمۇ قويمىغان تاغقا ئوخشايتتىڭ. ھېچقانداق بىر ۋەقە سېنى يىقىتىپ قويمىدى.

سەن بەئەينى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك، ۋۇجۇدى كىچىك ئەمما اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى ئورۇنداشتا ئەڭ كۈچلۈك كىشىسەن. ئۆز نەپسىڭدە بەكمۇ كەمتەر، ئەمما اﷲ نىڭ نەزىرىدە بەكمۇ ئۇلۇغ، يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كاتتا ئىدىڭ. بىرەر كىشىمۇ سېنى ئۆز ئارزۇ ـ ئۈمىدلىرىگە ۋاسىتە قىلالمىدى، سېنىڭمۇ ھەرقانداق بىرىگە تاپشۇرىدىغان ئىلتىماسىڭ يوق ئىدى.

زالىم كىشى (ھەقلىق كىشىنىڭ ھەققى ئۇنىڭدىن ئېلىنىپ ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇلغانغا قەدەر) سېنىڭ نەزىرىڭدە بەكمۇ ئاجىز ئىدى.

مەزلۇم بولسا (زالىمدىن ھەققى ئېلىنىپ ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغانغا قەدەر)، سېنىڭ نەزىرىڭدە كۈچلۈك ئىدى. اﷲ سېنىڭ ساۋابىڭدىن بىزنى مەھرۇم قىلمىسۇن ۋە سەندىن كېيىن يولدىن چىقىپ كېتىشىمىزگە رۇخسەت قىلمىسۇن!”

پەيغەمبەرنىڭ خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى دەۋرىدىكى جەمئىيەتكە بىر نەزەر

ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇ دەۋردىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى، ھېچ شۈبھىسىزكى، بىر ـ بىرىدىن پەرقلىق تەبىقىلەرنىڭ بولماسلىقى ئىدى. بۇ دەۋردە، جەمئىيەتنىڭ ھەربىر ئەزاسى خۇددى تارغاقنىڭ چىشلىرىدەك تەڭ ـ باراۋەر بولۇپ، جىنس، رەڭ ھەتتا ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت جەھەتتىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق ئىدى.

بۇ، پەلسەپەۋىي تېئورما ياكى يېزىپ قويۇلغان بىر پارچە ماقالە ئارقىلىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تىجارىي مەنە ۋە سىمۋوللىق باراۋەرلىك ئەمەس، بەلكى چىن ئېتىقادتىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقىي مەنىدىكى باراۋەرلىك ئىدى. بۇ جەمئىيەتتە چوڭلار ھۆرمەتلىنىپ، كىچىكلەر ئىززەتلىنەتتى. كىم موھتاج بولسا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئېھتىياجى قامدىلاتتى.

پۈتۈن جەمئىيەت (بارلىق ئەزالىرى بىلەن) بىر ـ بىرىگە ياردەملىشىدىغان ۋە داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغان چوڭ بىر ئائىلىگە ئوخشايتتى. خەلىپە بۇ جەمئىيەتتە پەقەت ھاكىمىيەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇندىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ياكى ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەمەس ئىدى. خەلىپە ئۇلىغى، كىيىم ـ كېچىكى، يېمەك ـ ئىچمىكى، تۇرالغۇ جايى ۋە شەخسىي ئىشلىرى ئېتىبارى بىلەن جەمئىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى.

شۇنداقلا، ئۆزى ياكى ئائىلىسىنى ئالاھىدە تەبىقە ساناپ، باشقىلار ئېرىشەلمەيدىغان مەنپەئەتلەرگە ئۆزلىرى ئېرىشەلەيدىغان ھەرقانداق بىر سۈپىتىمۇ يوق ئىدى. ئەكسىچە، خەلىپە جەمئىيەتنىڭ ئاددىي پۇقرالىرىدىن بىرى ئىدى.

خەلىپە ــ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى، ئىسلامغا بولغان ساداقىتى، ئېتىقادى ئۈچۈن، ئەمىر ۋە قوماندانلىق ئورنىغا يۈكسىلىپ ئۈممىتىگە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ئورۇنغا يەتكەن كىشىلەر ئىدى. خەلىپە ـــ جەمئىيەتتىكى ئاددىي پۇقرالار ئارىسىدا ياشايتتى، كوچا ـ كويلاردا ئۇلار بىلەن بىللە كېزەتتى، بىرلىكتە بازار ـ رەستىلەرنى ئايلىناتتى ۋە ئۇلار بىلەن ئېلىم ـ بېرىم قىلىشاتتى. بەزىدە خەلىپىنىڭ ئۆيى ئاددىي پۇقرانىڭ ئۆيىدىنمۇ ئاددىي ـ ساددا بولاتتى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۆيى تار، پەنجىرىسى ئاز بولاتتى.

ئۇلار خەلق ئاممىسىنىڭ ئارىسىغا ئارىلىشىپ كەتكەن چاغلىرىدا، كىشىلەرگە تەلىمات بېرەتتى، بەزىلىرىنى ئاگاھلاندۇراتتى، خەلقنىڭ شەرىئەت ئەھكامىغا قانچىلىك ئىتائەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرەتتى ۋە موھتاج كىشىلەرنى ئىزدەيتتى. بەزىدە كىشىلەر يولدىلا ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر مەسىلىنى سورايتتى، ئۇمۇ شۇ يەردىلا جاۋاب بېرەتتى. يىغىلىشلارغا قېتىلاتتى، پىكىر ئالماشتۇراتتى. خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرى، دۆلەت ۋە جىھاد مەسىلىلىرى ۋە ئۇرۇش سېپىدىكى ئىسلام قوشۇنلىرىدىن كەلگەن خەۋەرلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشەتتى.

خەلىپىلەر بەكمۇ كەمتەر ئىدى. مەسىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى قوشنىلىرىنىڭ قويلىرىنى ساغاتتى. كېچىلىرى پۇقرالارنىڭ ئارىسىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، كونترول قىلىش، ئېھتىياجلىرىنى سوراش ۋە خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن (بەزىدە تاڭ ئاتقۇچە) كوچىنى چارلايتتى.

بولۇپمۇ، ئۇسامە ئىبنى زەييىد قوشۇنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، مەدىنىدە ئەسكىرىي كۈچ قالمىغانلىقتىن، شەھەرنىڭ چوڭ يول ۋە كوچىلىرىدا قاراۋۇلدەك ئايلىنىپ كۆزىتەتتى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە، ئىسلام قوشۇنى بىر تەرەپتىن مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن فەتىھلەر ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغانىدى. مەدىنىدە ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەلى، تەلھە، زۇبەير، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، سەئد ئىبنى ئەبۇۋاققاس، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئۇسسەيىد ئىبنى ھۇدەير ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ ساھابىلەر قالغانىدى.

بۇلار (ھەيھات!) جىھادتىن قېچىش ياكى كەينىدە تۇرۇش ئۈچۈن قالمىغان، بەلكى ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىدىن پايدىلىنىش، لازىم بولغاندا ئۆزلىرى بىلەن كېڭىشىش، شۇنداقلا مەدىنىنى قوغداش مەقسىدى بىلەن خەلىپە شەخسەن بۇيرۇق ۋە تەلەپ قىلىپ ئېلىپ قالغانىدى. دەرۋەقە، بۇ شەخسلەرنىڭ ھەر بىرى (بۇندىن بۇرۇن ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك) مەدىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىتراتېگىيىلىك ئورۇنلىرىنى نازارەت قىلغانىدى. ئەمما بۇ ۋەزىپە جەريانىدا ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا مەدىنىنىڭ مەركىزىدىكى مەسچىتتە خەلىپە بىلەن بىرگە بولۇۋاتقان كىشىلەر بىلەن داۋاملىق تۈردە ئالاقە قىلىپ تۇراتتى ۋە شۇ ئارقىلىق، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق پەۋقۇلئاددە ھادىسىگە قارشى تەييار ھالەتتە تۇراتتى.

بۇ ھۆرمەتلىك ساھابىلەر شۇنچە ھۆرمەت ۋە مەۋقەگە ئىگە بولسىمۇ، باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە تەرەپلىرى يوق ئىدى. خەلق ئارىسىدا شۇنچە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولسىمۇ، يەنىلا شۇلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى.

ئۇلارنىڭ تاكى ئەڭ دەسلەپكى ئېغىر كۈنلەردىن ئېتىبارەن مۇسۇلمان بولۇشى، داۋاملىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىشى، اﷲ يولىدا ئۇزۇن يىل جىھاد قىلىشى، ئىسلام ئۈچۈن ئەجىر ـ مېھنەت سىڭدۈرۈشى ۋە ئىسلامىي دەۋەت يولىدا ھەددى ـ ھېسابسىز پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىشى خەلقنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرى ئىدى. ئۇندىن باشقا، كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەتلىشى ۋە پەيغەمبەرنىڭ خەلىپىسىنىڭ ئۇلار بىلەن كېڭەشكەنلىكى سەۋەبىدىن (ئۇلار) ئالاھىدە ئېمتىيازغا ئىگە ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە، جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن مەھكىمىگە ئەرز ـ شىكايەت قىلالايتتى، ھەقلىرىنى ئۇلاردىن ئالالايتتى. ھەركىم ئۇلارغا خالىغان شەكىلدە جاۋاب بېرەلەيتتى. يەنى ئۇلارنىڭ ھېچكىمدىن ئالاھىدە ئېمتىيازى يوق ئىدى.

مۇجاھىدلارغا كەلسەك، ئۇلار ئۆزلىكىدىن قوشۇنغا قېتىلىپ، جىھادقا چىقاتتى. ئۇ دەۋرلەردە ئەسكەرلىك رەسمىيىتى ياكى مەجبۇرىيي ھەربىي ۋەزىپىلەر يوق ئىدى. كىشىلەر يا شېھىتلىك مەرتىۋىسگە يېتىش ياكى اﷲ يولىدا (ئىنسانلارنىڭ ئىسلامغا كىرىشى مەقسىدى بىلەن) زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جىھادقا چىقاتتى. ئۇلارنى جىھادقا تۈرتكە قىلغان بىردىنبىر ئامىل ـــ ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىنى ئورۇنداپ، اﷲ نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئىدى.

بۇ مۇجاھىدلار بىر تەن، بىر ۋۇجۇدقا ئوخشايتتى. ئىمان قېرىنداشلىقى مەنىسىدە ئۆز ئارىلىرىدا ھەقىقىي قېرىنداش ئىدى. مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار ۋەقەلەردە ئۆز يېنىدىكى قېرىندىشىنى دۈشمەن ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنىڭغا دالدا قىلاتتى، بىرى باشقا بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى شېھىت بولاتتى. بۇ، ئۇنىڭ مۇئمىن قېرىندىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جانپىدالىق قىلىدىغانلىقى ۋە قېرىندىشىنى ئۆز جېنىدىنمۇ ئەلا كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى.

قوشۇندا ئەڭ ئاددىي ئەسكەردىن تا ئەڭ ئالىي قوماندانغىچە بارلىق ئەسكەرنىڭ تامىقى ئوخشاش ئىدى. كىيىملىرىمۇ بەك ئاددىي ۋە بىر - بىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. بۇ جەھەتلەردە نۆكەر بىلەن باش قومانداننىڭ ئارىسىدا دەرىجىگە ئاساسەن پەرقى يوق ئىدى. ھەتتا تاماق تارقىتىلغان ۋاقىتتا، قوماندان ھەممە ئەسكەرگە ئوخشاش تاماق تارقىتىلغان ـ تارقىتىلمىغانلىقىنى بىر ـ بىرلەپ سوراپ تەكشۈرەتتى. ئەسكەرلەرنىڭ ئوخشاش تاماقتىن، ئوخشاش مىقداردا يېگەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگۈچە، ئۆز تامىقىدىن بىر لوقمىمۇ يېمەيتتى. قوماندان بۈگۈن قوماندان بولسا، ئەتىسى ئاددىي نۆكەر سۈپىتىدە قوشۇنغا خىزمەت قىلاتتى. بۈگۈن، تېخى تۈنۈگۈن ئۆز ئەمرىدە بولغان ئەسكەرنىڭ ئەمرىگە بويسۇناتتى ۋە بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلچە يات تۇيۇلمايتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، پەقەت ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلىش جەھەتتىنلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش جەھەتتىنمۇ بۈگۈن قوماندان بولۇش بىلەن ئەتىسى ئاددىي نۆكەر بولۇشنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى.

پەقەت بىر ئەسكەر قوماندانلىق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەمرىدىكى باشقا ئەسكەرلەرنىڭ ئىتائەت قىلىشى، ئۇرۇش پىلانىنى ئورۇنداش ۋە ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىلىرى ئۆزگىرىپ، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان بولىدۇ.

چېگرادا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان ياكى ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەسكەرلەر ئائىلىلىرىدىن ئەسلا ئەنسىرىمەيتتى ۋە ئۇلارنىڭ كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلمايتتى. چۈنكى ئائىلىسىنى قوغدايدىغان، ئۇلارغا ئىگە بولىدىغان كۈچلۈك ۋە مەسئۇلىيەتچان بىر ئورگان بار ئىدى.

ئەسكەرنىڭ ئائىلىسىگە ئالدى بىلەن خەلىپە مەسئۇل بولاتتى. ئەسكەرنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، جىھاد قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىسلامىي دەۋەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىدى. پىيادىلەر ئۈچۈن ئايرىلغان غەنىمەت ئۇلارغا تەڭ مىقداردا تارقىتىپ بېرىلگەندەك، ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئايرىلغان غەنىمەتمۇ ئۇلارغا تەڭ مىقداردا تارقىتىپ بېرىلەتتى. بىر مۇجاھىد بىر دۈشمەن ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ ئەسكەر شۇ دۈشمەننىڭ ئۈستىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا بولاتتى.

ھەر قەبىلىنىڭ ئۆز ئارىلىرىدا ياكى ئۆز قەبىلە تۇغلىرى ئاستىدا قوشۇنغا قېتىلىشىنىڭ سەۋەبى تېخىمۇ كۆپ غەيرەت ـ جاسارەت كۆرسىتىش بولۇپ، باشقا قېرىنداش قەبىلىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالماسلىق ئۈچۈن ئۇرۇش قاينىمىغا بىر ـ بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك كىرىپ كېتەتتى. بولمىسا، مەرتىۋە جەھەتتىن بىر ـ بىرىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيتتى. مەسىلەن، ئۇباد ئىبنى بۇشىر يەمامە جېڭى بولغان ۋاقىتتا قېرىنداش قەبىلىلەرنىڭ ئالدىدا خىجىللىققا قالماسلىق ئۈچۈن ئەنسارلارغا توختىماي چاقىرىق قىلاتتى، جەڭ ئالدىدا ئۇلارنى غەيرەتلەندۈرۈشكە تىرىشاتتى.

ئۇرۇش ۋاقتىدا، شەھەر ۋە يېزا ـ چۆللەردە ئاياللار، كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلاردىن باشقا ھەممەيلەن ئالدىنقى سەپكە قېتىلاتتى. بۇ تۇنجى مۇسۇلمان ئاۋام ئىچىدىكى بىر كىشى قولى قورال تۇتالايدىغانلا بولسا، ئۆزىنى ھەرگىز كۈچسىز ۋە ئاجىز ھېسابلىمايتتى. شۇڭا ئۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغان ھامان سەكسەن ياشتىن ھالقىغان قانچىلىغان بوۋايلار قولىغا قورالىنى ئېلىپ، ئالدىنقى سەپتە ياشلاردىن قېلىشماي، قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلغانىدى. چۈنكى جىھاد ھەربىر قەھرىماننىڭ ئەڭ مۇقەددەس غايىسى ئىدى. ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ھەمكارلىشاتتى.

كىم بولسا بولسۇن، ئارىلىرىدىكى بىر كىشىگە خۇددى ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا قارىغاندەك قارايتتى. بىر ـ بىرى بىلەن بولغان مۇئامىلە ۋە ئېلىم ـ بېرىمدا بەكمۇ ئەستايىدىل بولاتتى، ھەرگىز بىر ـ بىرىنى ئالدىمايتتى، ساختىپەزلىك قىلمايتتى.

بۇ جەمئىيەتتە ھىيلە ـ مىكىر ۋە غەۋغا دېگەن ئىشلار يوق ئىدى. مادامىكى، ئىسلام شەرىئىتى بۇ خىل ئىشلارنى چەكلىگەنىكەن، ئۇنداقتا ھېچبىر تېمىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايتتى. شۇنداقلا، جەمئىيەتنىڭ ھەربىر ئەزاسى ئامالىنىڭ بارىچە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشقا تىرىشاتتى. ئارىلىرىدا گۇناھ، جىنايەت ياكى خىجىللىققا قالىدىغان ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمەيتتى. چۈنكى ئىسلام شەرىئىتى ئەخلاقسزلىقنى چەكلەپ، خاتا يوللاردىن قاتتىق توسۇيتتى.

ئىسلام شەرىئىتى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن يولغا قويۇلغان بۇ مەزگىل ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ خىل ۋەقەلەر قول بىلەن سانىۋالغۇدەك دەرىجىدە ئاز ئىدى.

ئاياللارغا كەلسەك، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەسلى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلاتتى. ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش بىر جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىدى. ئۇلار ئۈممەت موھتاج بولۇۋاتقان بەزى خىزمەتلەرنى بىلىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇلار بالىلىرىنى ئىسلام تەربىيىسى بىلەن چوڭ قىلاتتى، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن تولدۇراتتى. توقاللىرى بىلەن ئۆز ئاچا - سىڭىللىرىدەك ئەپ ئۆتتى، قوشنىلىرىغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئازاب ۋە خۇشاللىقلىرىغا ئورتاق بولاتتى. ئۇلارغا مۇسىبەت يەتكەندە تەڭ كۆز يېشى تۆكسە، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا تەبەسسۇم بىلەن ئۇلارنى تېخىمۇ خۇش قىلاتتى. ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بولغاندىلا ئاندىن ئۆزلىرىنى بەختىيار بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆزلىرىگە چۈشكەن ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا تىرىشاتتى.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.