2-قىسىم: ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
ھەزرىتى ئۆمەر (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)”ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ھاياتى
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ھاياتى”ھەزرىتى ئۆمەر بەنى ئادىي ئايمىقىغا مەنسۇپ بولۇپ، بەنى ئادىي ئايمىقى قۇرەيشنىڭ كىچىك بىر تارمىقى، يەنى بىر ئائىلىسىدىن ئىبارەت ئىدى. ئۆمەرنىڭ دادىسى خەتتاب قوپاللىقى ۋە تاش يۈرەكلىكى بىلەن ھەممىگە تونۇلغانىدى. ئۇندىن باشقا، قۇرەيشكە تەۋە ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەل، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى جەھش ۋە ئوسمان ئىبنى ھۇۋەيرىس قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ بۇتقا چوقۇنىدىغان مۇشرىكلىككە قارشى چىققان جىيەنى (ئىنىسىنىڭ ئوغلى) زەيد ئىبنى ئامىرغا قىلغان زۇلۇمى بىلەنمۇ نامى ئەتراپقا پۇر كەتكەنىدى.
بۇ ۋەقە مۇنداق باشلانغانىدى:
بىر كۈنى قۇرەيشلەر ئىبادەت قىلىش، قۇربانلىق سويۇش، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇتلىرىنىڭ ئالدىغا توپلانغانىدى. ئۇ كۈنى ھەريىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان بايرام كۈنلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ بايرام ۋە مۇراسىمغا يۇقىرىدا ئىسمى ئېيتىلىپ ئۆتكەن تۆت كىشى (يەنى ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەل، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى جەھش، ئوسمان ئىبنى ھۇۋەيرىس، زەيىد ئىبنى ئامىر) قېتىلمىدى. ئۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ بىر ـ بىرىگە مۇنداق دېيىشتى:
“ھەممىڭلار بىلىپ تۇرۇپسىلەر، اﷲنىڭ نامى بىلەن قەسەم بولسۇنكى، شۇ مىللىتىمىز ئەسلىدە ھېچقانداق بىر دىنغا تەۋە ئەمەس، بۇ مىللەتنىڭ ھېچقانداق دىنى يوق. ئۇلار ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ دىنىنى بۇرمىلاپ، ئەسلى ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. بىز چوقۇنۇۋاتقان شۇ تاش پارچىلىرى زادى نېمە؟ ئۇ ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىسا ياكى كۆرەلمىسە، بىزگە ھېچقانداق پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمىسە…. بۇرادەرلەر! بىز بىرلىكتە ئۆزىمىزگە ھەقىقىي بىر دىن ئىزدەيلى. قەسەم قىلىمەنكى، بىزنىڭ ھېچبىر دىنىمىز يوق، ھازىر بىز دىنسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتىمىز!”
مانا بۇ يىغىلىشتىن كېيىن، بۇ تۆت كىشى يۇرت ـ يۇرت كېزىپ ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي تەۋھىد دىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. زەييىد ئىبنى ئامىرمۇ باشقا بۇرادەرلىرىگە ئوخشاش بۇ مەقسەد بىلەن مەككىدىن ئايرىلماقچى بولدى. ئەمما ئۇنىڭ ئايالى سافىيە بىنتى ھەزرەمى بۇ ئىشنى تۇيۇپ قېلىپ، ئۇنى كۆزىتىشكە باشلىغانىدى. زەييىد مەككىدىن چىقماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ئايالى دەرھال تاغىسى خەتتاب ئىبنى نەۋفەلگە خەۋەر بەرمەكچى، خەتتاب زەييىدنى توسىۋالماقچى بولغانىدى. خەتتاب سافىيەنى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، ئۇنى: “زەيىد بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلغان ھامان ماڭا تېزدىن خەۋەر بەرگىن!” دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى. زەييىد بۇتپەرەسلىككە قارشى چىقىپلا قالماي، يەھۇدىيلىق ۋە خرىستىئانلىقنىمۇ ياقتۇرمايتتى. ئۇ پەقەت ئۆز خەلقىنىڭ دىنىنى تەرك ئېتىپ، بۇتقا چوقۇنۇش، لەش، قان ۋە بۇتلار ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېيىش قاتارلىق ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتقانىدى. شۇنداقلا، قىزلارنىڭ تىرىك كۆمۈۋېتىلىشىگە قارشى چىقاتتى. ئۇ ئۆز ئېتىقادى توغرۇلۇق: “مەن پەقەت ئىبراھىمنىڭ رەببىگە ئىبادەت قىلىمەن” دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇتقا چوقۇنغان خەلقى بىلەن زىتلىشىپ، ئۇلارنىڭ دىنىغا قارشى چىقتى. ئۇ ھەر پۇرسەتتە قۇرەيش خەلقىگە مۇنداق دەيتتى:
“ئى قۇرەيشلەر! شۇ زەييىدنىڭ جېنىنى ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك قولىدا تۇتۇپ تۇرغان اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (مەندىن باشقا) ھېچقايسىڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدا ئەمەسسىلەر!” ئاندىن: “رەببىم! قانداق ئىبادەت قىلسام رازى بولىدىغانلىقىڭنى بىلگەن بولسام، شۇ پېتى ئىبادەت قىلغان بولاتتىم. ئەمما مەن بىلمەيمەن” دەيتتى. ھەرقېتىم شۇنداق دېگەندىن كېيىن قوللىرىنى يەرگە قويۇپ اﷲ قا سەجدە قىلاتتى.
كەئبىگە ھەر كىرگىنىدە: “ئى اﷲ! سېنىڭ ئەمىر ـ پەرمانىڭغا ھەرۋاقىت تەييارمەن. سەن ھەق ۋە ھەقىقەت سەن! پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمەن، ساڭىلا بويۇن ئېگىمەن، سېنى ھۆرمەتلەيمەن” دەيتتى.
خەتتاب بولسا، زەييىدكە زۇلۇم قىلاتتى. مىللىتىنىڭ دىنىنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئەيىبلەيتتى، ئۆچمەنلىك قىلاتتى. مەككىدىن چىقىشىغا ھەردائىم توسقۇنلۇق قىلاتتى.
ئۇ زەييىدكە بەكمۇ قاتتىق قول بولۇپ، ئۇنىڭغا قىلچە رەھىم قىلماي، تاش يۈرەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۆمەرمۇ دادىسىنىڭ بۇ خۇيىنى ئۇدۇم قىلىپ ئالدى. ئۇمۇ ھەردائىم زەييىدكە زۇلۇم قىلاتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر ھىجرەتتىن 42 يىل بۇرۇن مەككىدە تۇغۇلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى كەلگەندە، ئۇ 29 ياشلىرىدا ئىدى. ۋەھيى كېلىپ، ئالتە يىلغىچە جاھىلىيەت ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى، يەنى ئۆمەر ۋەھيى كېلىپ، ئالتە يىلدىن كېيىن ئىمان ئېيتتى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ جاھىلىيەتتە 35 يىل، ئىسلامدا 30 يىل ياشىغان بولدى.
ھەزرىتى ئۆمەر جاھىلىيەتتە 35 يىل ياشىغان بولسىمۇ، جەمئىيەتتىكى ئورنى پەقەتلا ئۆسمىگەن، تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق نام چىقىرالمىغانىدى. ئەگەر ئىسلام بولمىغان بولسا، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ نامى چىقمىغان، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ھېچكىم ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئالمىغان ۋە ئەسلەپمۇ قويمىغان بولاتتى. جاھىلىيەت دەۋرىدە، ئۇ پەقەت قۇرەيشلەر بىلەن باشقا ئەرەب قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەن چاغلاردا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىرخىل ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى ـ خالاس! بۇمۇ پەقەت بىر شەكىلدىن ئىبارەت ئىدى. ئەسلىدە قۇرەيشلەر ئۇرۇشخۇمار خەلق ئەمەس، ئۇلارنىڭ قەھرىمان ياكى جەڭگىۋار دېگەندەك ناملىرى پەقەتلا يوق بولۇپ، ئۇلار شەھەرلەرگە جايلاشقان ۋە تىجارەت بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولغاچقا، ھەردائىم بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقتا ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ھەممىدىن ئاۋۋال ماددىي مەنپەئەتلىرىنى ئويلىشىدىغان خەلق ئىدى.
ئۇلار ھەرەمدە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىدا قۇرەيشنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئورنى بار ئىدى. شۇڭا باشقا قەبىلىلەر قۇرەيشكە قارشى چىقمايتتى، ئۇلارغا بىھۆرمەتلىك قىلمايتتى. چۈنكى، ئۇلار ھۆرمەتلىگەن كىشىلەر كەئبىنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچىلار ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوشنىلىرى ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ھەزرىتى ئىسمائىلنىڭ خاتىرىسى، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ياسالغان قۇرۇلۇش ـــ كەئبىنى ھەر يىلى زىيارەت قىلاتتى، يەنى ھەج قىلاتتى. قۇرەيشلەر بولسا، كەلگەن زىيارەتچى قەبىلىلەرگە ساھىبخانلىق قىلاتتى، ئۇلارنى كۈتەتتى، سۇ ئېھتىياجلىرىنى قامدايتتى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدايتتى.
قۇرەيشلەر بەنى قەنان بىلەن بىرلىشىپ بەنى قەيسكە قارشى جەڭ ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئۆمەر تېخى كىچىك بولۇپ ئۈچ ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى. بۇ، ھەزرىتى ئۆمەر ياشىغان جاھىلىيەت دەۋرىدە قۇرەيشلەر بىلەن باشقا قەبىلىلەر ئارىسىدا چىققان ئەڭ ئاخىرقى جەڭ بولۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا ئەلچىلىك دېگەندەك ئىشلارمۇ بەك كۆپ ئەمەس ئىدى. ھەتتا شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، جەمئىيەتتە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ھېچقانداق رولى يوق بولۇپ، بەك چوڭلاردىن ھېسابلانمايتتى. ئۇ مەنسۇپ بولغان ئائىلىنىڭ ئەزالىرىمۇ بەك ئاز ھەم خۇددى بەنى ئابدۇمەنناف، بەنى مەھزۇن، بەنى ئابدۇددار ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئادەتتىكى ئائىلىلەردىن ئىدى. شۇنداقلا، ھەزرىتى ئۆمەر ئۆز ئائىلىسىنىڭمۇ مۇھىم ئەزاسى ھېسابلانمايتتى.
چۈنكى، ھەزرىتى ئۆمەر ياشىغان جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئۆلچەملىرى بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى بۇ ئۆلچەملەر ئارقىلىق بەلگىلىنەتتى. بۇ ئۆلچەملەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى مال ـ بايلىق ئىدى. ئەمما ئۆمەر ناھايىتى كاتتا بايلاردىن ھېسابلانمايتتى. ئۇندىن باشقا، كۈچلۈك بولۇشمۇ بۇ ئۆلچەملەردىن بىرى بولۇپ، كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن ئائىلىسى چوڭ، ئائىلە ئەزالىرى كۆپ بولۇشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بەنى ئادىي ئائىلىسىنىڭ نوپۇسى بەكمۇ ئاز بولۇپ، ئۆمەرنىڭ بىر ئاكىسى ۋە بىرمۇنچە بالىلىرى بار ئىدى. ئەلچىلىك ئىشىغا كەلسەك، ئۇ پەقەت ئۆز ئائىلىسىگىلا ۋەكىللىك قىلالايتتى.
مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، زەييىد ئىبنى ئامىر خەتتاب خەتتاب ۋاپات بولدى. بەنى ئادىي ئائىلىسىنىڭ ۋەكىللىكى ۋە قۇرەيشنىڭ ئەلچىلىكى ئۇنىڭغا قېلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى قورقماس ۋە قوپاللىقى بولۇپ، ئۇندىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوق ئىدى.
مەككىدە ئىسلام نۇرى پارلاشقا باشلىدى. ھەرخىل خەلق ئاممىسى ۋە قەبىلىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر جامائەت ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆمەرنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى سەئد ئىبنى زەييىد ئىبنى ئامىر ۋە ئۇنىڭ ئايالى خەتتاب بىنتى فاتىمە (ئۆمەرنىڭ سىڭلىسى) ئىدى. ئۇندىن باشقا، شۇ ئائىلىدىن نۇئەيم ئىبنى ئابدۇللاھ بىلەن بىرلىكتە بىر قانچە كىشىمۇ مۇسۇلمان بولغانىدى.
ئۆمەرگە كەلسەك، ئۇ مۇسۇلمان بولمىغاننى ئاز دەپ، بىر نەرسىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىدىغان قوپال ۋە نادان بىر ئادەم شۇ نەرسىگە چىڭ ئېسىلىۋالغاندەك، جاھىلىيەتنىڭ ئۆلچەم ـ ئېتىبارلىرىغا مەھكەم ئېسىلىپ تۇرىۋەردى. ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالى ئۇ باشقا بىر نەرسىگە ئىشەنگىچە ياكى قايىل قىلىنغىچە ئۆزگەرمەيتتى ـ ئەلۋەتتە! شۇنداقلا، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئەسەبىي مۇئامىلىسى ۋە ئەخلاقى دادىسىدىن ئۇدۇم قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ خاراكتېرىغا سىڭىپ كەتكەنىدى. ئۇندىن باشقا، ئۆزىگە تاغىسى ئەبۇجەھىلدىنمۇ ئىسلامغا دۈشمەنلىك تۇيغۇسىنى سىڭدۈرۈۋالغاچقا، ئىسلام ئۈچۈن چوڭ بىر توسالغۇ بولۇپ قالغانىدى.
ئۆمەرنىڭ ئانىسى (ئەبۇ جەھىلنىڭ ھەدىسى ياكى سىڭلىسى) ھەنتەمە بىنتى ھىشام ئىدى. شۇڭا، ئانىسى ۋە تاغىسىدىن ئالغان ئەشەددىي ئىسلام دۈشمەنلىكى تەسىرىدە، ئۆز يېزنىسى ۋە تاغىسىنىڭ ئوغلى سەئد ئبنى زەييىد بىلەن ئۇنىڭ ئايالى (ئۆز سىڭلىسى) فاتىمەگە بەكمۇ قەبىھ ۋە رەھىمسىز مۇئامىلە قىلاتتى. چۈنكى، ئۆمەرگە ئۇقتۇرماي مۇسۇلمان بولغانىدى.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئىككى، ئۈچ، تۆتتىن قىلىپ مەخپىي ھالدا بىر ئۆيگە يىغىپ، ئۇلارغا ئىسلامنىڭ ئاساسىي قائىدە ـ پرىنسىپلىرى ۋە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەتكۈچىلەرنى ئەۋەتەتتى. سەئد ئىبنى زەييىد ۋە ئۇنىڭ ئايالى فاتىمەنىڭ ئۆيىمۇ بۇ ئۆيلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا، ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى نۇئەيم ئىبنى ئابدۇللاھ ئەنناھاممۇ ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلەتتى. ئۇلارغا خەبباب ئىبنى ئەرەت ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرىنى ۋە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتەتتى.
ئۆمەر بۇ ئەھۋالنى بىلىپ بەكمۇ غەزەپلەندى. ئۇ قۇرەيش چوڭلىرىنىڭ شۇنچە قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، قۇرەيشنىڭ مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشىگە بەكمۇ ئاچچىقلىناتتى ۋە قايغۇراتتى.
بىر كۈنى ئۇنىڭغا ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلمىغان ساھابىلىرىدىن ھەمزە، ئەلى ۋە ئەبۇبەكرى قاتارلىقلار بىلەن پات ـ پات مەخپىي يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغانلىقى ۋە سەفا يېقىنىدىكى بىر ئۆيدە ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى. بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەرنىڭ قېنى قىززىپ، دەرھال قىلىچىنى قېنىدىن سۇغاردى ۋە ئۇلار ئۇچراشقان يەرگە قاراپ ئاتلاندى.
ئۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، قۇرەيشنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇۋاتقان بۇ سەۋەبنى (سەۋەبلىك كىشىلەرنى دېمەكچى) يوق قىلماقچى بولدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى. يولدا ھەقەمسايىسى نۇئەيم ئىبنى ئابدۇللاھ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
بۇ كىشىمۇ ئۆمەرنىڭ يېزنىسى ۋە يۇرتدىشى بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىپ تۇراتتى. نۇئەيم ئۇنىڭدىن:
“ھەي ئۆمەر! نەگە ماڭدىڭ؟” دەپ سورىدى. ئۆمەر:
“مۇھەممەدنى ئىزلەپ ماڭدىم. شۇ قۇرەيشنىڭ بىرلىكىن بۇزغان، دىنىنى تەرك ئەتكەن ۋە خەلقنىڭ ئېتىقادىنى مەسخىرە قىلغان، ئىلاھلىرىغا كۇپۇرلۇق قىلغان ئادەم بارغۇ؟! مەن ئۇنى ئۆز قوللىرىم بىلەن ئۆلتۈرىمەن!” دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلىغان نۇئەيم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۆمەرنىڭ يۆنىلىشىنى بۇرىۋېتىش ئۈچۈن:
“ئى ئۆمەر! سەن ئۆز نەپسىڭگە يېڭىلىپسەن. سەن مۇھەممەدنى ئۆلتۈرىۋەتسەڭ، بەنى ئابدىمەنناف قەبىلىسى سېنى بوش قويۇپ بېرەمدۇ؟ ئۇنداق بولغانىكەن، ئۆيۈڭگە قايتىپ، ئاۋۋال ئۆز ئائىلەڭنى باشقۇرۇۋالساڭ بولمامدۇ؟” دېدى. ئۆمەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ:
“قايسى ئائىلىنى دەيسەن؟” دەپ سورىدى. نۇئەيم:
“كىم بولاتتى؟ سىڭلىڭ بىلەن يېزىنەڭ (سەئد بىلەن فاتىمە). قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ئىككىسىمۇ مۇسۇلمان بولۇپ، مۇھەممەدكە قېتىلىپتۇ. سەن ئاۋۋال بېرىپ ئۇلارنى باشقۇرغىن!” دەپ جاۋاب بەردى.
نۇئەيم مۇنداق دەيدۇ:
“مەن ئۆمەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇشىدىن قورققانىدىم. ئەگەر راستىنلا ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماقچى بولسا، سەئىد بىلەن فاتىمەگە قىلسۇنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇيىقەستتىن قۇتۇلۇپ قالسۇن دەپ ئويلىدىم.”
ئەلۋەتتە، نۇئەيم ئىسلامغا قارشى يامان نىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۇيىقەستتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش مەقسىتىدە شۇنداق قىلغانىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىمۇ مۇسۇلمان ئىدى. شۇنداقلا، بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇلار بىلەن يىغىلىپ، بىرلىكتە ئىسلامنى ئۆگىنەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆمەرنىڭ ئەسەبىي بولۇش بىلەن بىرگە ھېسسىياتچان ئىكەنلىكىنى ۋە بىرەرسى ئۇنى كۈشكۈرتمىگىچە ئۇنىڭ سىلىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى، ئۆمەرنىڭ تەبىئىتىمۇ شۇنىڭغا قاراپ ئۆزگىرىۋاتاتتى. دەرۋەقە، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئېتىقادى ئۆزگەردى ۋە مۇسۇلمان بولدى (بۇ توغرىلىق كېيىنچە توختىلىپ ئۆتىمىز).
ئۆمەر قوپال بولۇش بىلەن بىرگە ناھايىتى ھېسسىياتچان ئىدى. ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئېغىز سۆز، غەزەپلەندۈرىدىغان بىرەر ئىش ـ ھەرىكەت بولمىسىلا، ناھايىتى مۇلايىملىشىپ كېتەتتى. جاھىلىيەت دەۋرىدە، ئىسلامغا شىددەت بىلەن قارشى چىقىپ، مۇئمىنلەرگە شۇنچە زۇلۇم قىلغان بولسىمۇ، بەزىدە ئۇلارغا قاراپ قاتتىق ئۆكۈنەتتى.
دەرۋەقە، ئىسلام مۇھاجىرلىرى ھەبەشىستانغا قاراپ ماڭغان ۋاقىتتا (بۇلارنىڭ ئىچىدە بەنى ئادىي ئائىلىسىنىڭ توختاملىق ئەزاسى ئامىر ئىبنى رابىئە ۋە ئايالى لەيلامۇ بار ئىدى) ئۆمەر بۇ ئائىلىگە يولۇقتى. ئۇ ۋاقىتتا، ئۆمەر تېخى مۇشرىك ئىدى. ئۆي ئىگىسى يول تەييارلىقى ئۈچۈن سىرتقا بىر نەرسە ئالغىلى چىقىپ كەتكەنىدى.
ئۆمەر ئامىرنىڭ ئايالىنىڭ بېشىغا كېلىپ، غەمكىن بىر قىياپەتتە:
“ئى ئابدۇللاھنىڭ ئانىسى! سىلەر راستىنلا كېتىشكە قارار بەردىڭلارمۇ؟” دەپ سورىدى. ئامىرنىڭ ئايالى لەيلا ئۇنىڭغا:
“شۇنداق! قەسەم قىلىمەنكى، بۇ دىياردىن كېتىمىز. اﷲ نىڭ شۇ چەكسىز دۇنياسىدا ئەركىن ـ ئازادە ياشىغىلى بولىدىغان بىر يەرگە كېتىمىز. چۈنكى، بىزگە ھەقىقەتەن بەك ئېغىر زۇلۇم قىلدىڭلار، بىزنى بەكمۇ ئەزدىڭلار. اﷲ بىزگە بىر چىقىش يولى بەرگىچە بۇ يەرلەرگە قايتىپ كەلمەيمىز” دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەر:
“اﷲ سىلەر بىلەن بىللە بولسۇن!” دېدى. لەيلا ئۇندىن بۇرۇن ئۆمەرنى بۇنداق غەمكىن ھالەتتە كۆرمىگەنىدى.
ئامىر ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، ئايالى ئۇنىڭغا:
“ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! باياتىن ئۆمەر كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ قانچىلىك پەرىشان بولغانلىقىنى بىر كۆرگەن بولساڭ” دېدى. ئامىر ئايالىدىن:
“سەن ئۇنى بىر كۈنى مۇسۇلمان بولىدۇ دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ “ دەپ سورىدى. لەيلا:
“ھەئە!” دېۋىدى، ئامىر:
“خەتتابنىڭ ئېشىكى مۇسۇلمان بولسا بولىدۇكى، سەن كۆرگەن ئۇ ئادەم مۇسۇلمان بولمايدۇ” دەپ ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان قوپال ۋە ئەسەبىي مۇئامىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا بولغان ئۈمىدسىزلىكىنى ئىپادىلىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن تۆت ئايالغا ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاياللىرى تۆۋەندىكىلەردۇر:
بىرىنچىسى، ئوسمان ئبىنى مەزئۇننىڭ سىڭلىسى زەينەپ بىنتى مەزئۇن: بۇ ئايال (ئاۋۋال ھۇنەيس ئىبنى ھەززاف ئەس سەھمىگە ياتلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەگكەن) ھەفسە ئانىمىزنىڭ ئانىسى بولۇپ، ھەزرىتى ئۆمەردىن تۇغقان بۇ قىزدىن باشقا، ئابدۇرراھمان ئەل ئەكبەردىن (ھىجرەتتىن ئون يىل بۇرۇن) ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئوغۇلمۇ تۇغقانىدى.
ئىككىنچىسى، سەبىئە: ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئايالدىن بالىلىق بولمىغان.
ئۈچىنچىسى، ئۇممۇ گۈلسۈم مەلىكە بىنتى ئەمر خۇزەي: بۇ ئايال قۇرەيشلەرنىڭ ئەڭ پالۋانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئابدۇللاھنى تۇغقانىدى. ھەزرىتى ئۆمەر خەلىپە ۋاقتىدا، ئۇنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرگەن (مۇغىرە ئىبنى شەئبەنىڭ مەجۇسىي خىزمەتچىسى) ئەبۇ لۇئلۇئەنى كۈشكۈرتكەنلىكى ۋە سۇيىقەستنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پىلانلىغانلىقى ئالغا سۈرۈلگەن ئىرانلىق ھۇرمۇزاننى ئەنە شۇ ئابدۇللاھ ئۆلتۈرگەنىدى. ئابدۇللاھ سەففىيىن جېڭىدا مۇئاۋىيەنىڭ سېپىدا تۇرۇپ ھەزرىتى ئەلىگە قارشى جەڭ قىلدى ۋە ئۇ كۈنى ئۆلتۈرۈلدى.
تۆتىنچى، قەرىبە بىنتى ئەبۇ ئۇمەييە مەھزۇمى: ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بۇ ئايالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇممۇ سەلەمەنىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئايالدىنمۇ بالىلىق بولمىغانىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر نۇئەيمدىن ئۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ راستىنلا مۇسۇلمان بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تاغىسىنىڭ ئوغلى سەئد ئىبنى زەيد بىلەن سىڭلىسى فاتىمەنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. دەل شۇ چاغدا، خەبباب ئىبنى ئەرەتمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا قۇرئان كەرىمنىڭ تاھا سۈرىسىدىن ئايەتلەر يېزىلغان بىر ۋاراق بار ئىدى. خەبباب بۇ ئايەتلەرنى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يېزنىسى ۋە سىڭلىسىغا ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. شۇ ئەسنادا، ئىشىككە يېقىنلاپ كەلگەن ئۆمەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان خەبباب، دەرھال ئىچكىرىكى ئۆيلەردىن بىرىگە كىرىپ يوشۇرۇندى. فاتىمە بولسا، قۇرئان ۋارىقىنى تىزىنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئۆمەردىن يوشۇرۇشقا تىرىشتى. ئەمما ئۇلار قۇرئان ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئۆمەر ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالغانىدى.
ئۆمەر ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ:
“باياتىن بېرى كۇسۇلدىشىپ نېمە ئوقۇۋاتاتتىڭلار؟ ئېيتىڭلار!” دەپ تەھدىت سالدى. ئۇلار:
“خاتا ئاڭلاپ قالغان ئوخشايسەن. بىز ھېچنېمە ئوقۇمىدۇق” دېيىشتى. ئەمما ئۆمەر:
“ياق! مەن ھەممىنى بىلدىم. سىلەر مۇھەممەدكە بەيئەت قىلىپ، ئۇنىڭ دىنىغا كىرىپسىلەر”دەپ چىڭ تۇردى ۋە يېزىنىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى سىلكىشلەشكە باشلىدى. بۇ ئارىدا، ئېرىنى ئاكىسىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغان فاتىمەنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇردى. ئەھۋال بۇ يەرگە كەلگەندە، يەنە تاقەت قىلىشقا چىدىمىغان يېزنىسى ۋە سىڭلىسى ۋارقىرىغان ھالدا:
“شۇنداق! بىز مۇسۇلمان بولدۇق، اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتتۇق. ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئەمدى قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل!” دەپ ئۇنىڭغا قارشى تۇردى. ئۆمەر سىڭلىسىنىڭ يۈزىنىڭ قانغا بويالغىنىنى كۆرۈپ سەل يۇمشىدى ۋە ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئىچ ـ ئىچىدىن ئۆكۈنگەن ھالدا سىڭلىسىغا قاراپ:
“بايا ئوقۇغان نەرسىنى ماڭا بەرگىنە!” دەپ ئۆتۈندى. ئۆمەر ساۋاتلىق ئىدى. ئەمما سىڭلىسى نارازىلىق بىلدۈرۈپ:
“ئۇنى يىرتىۋېتىشىڭدىن قورقىمەن” دېدى. ئۆمەر بۇتلىرىغا قەسەم قىلغان ھالدا:
“قورقما! ساڭا ساق پېتى قايتۇرۇپ بېرىمەن” دەپ ئۇنىڭغا كېپىللىك بەردى. ئۆمەرنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان سىڭلىسى ئۇنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ قېلىشىدىن ئۈمىدلىنىپ مۇنداق دېدى:
“ماڭا قارا ئاكا! سەن بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىڭ ئۈچۈن ھازىر نىجىس، مەينەت ھالەتتە سەن. ھالبۇكى، قۇرئاننى پاك، پاكىز كىشىلەرلا تۇتالايدۇ” دەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر يۇيۇندى، ئاندىن سىڭلىسى ئۇنىڭغا ئۇ ۋاراقنى بەردى. ئۆمەر ئۇ ۋاراققا يېزىلغان ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇپ: “ۋاھ ـ ۋاھ! نېمىدېگەن گۈزەل، نېمىدېگەن ئۇلۇغ سۆزلەر بۇ؟!” دەپ ئۆزىنىڭ ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى. بۇ سۆزلەرنى يوشۇرۇنىۋالغان يەردە تۇرۇپ ئاڭلىغان خەببابمۇ ئۇنىڭدىن خاتىرجەملىنىپ، ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئۇنىڭغا:
“ئى ئۆمەر، ماڭا قارا! سېنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشىڭنى اﷲ دىن ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى تۈنۈگۈن ئۇنىڭ: « ئى اﷲ! ئىسلامنى ئەبۇل ھاكەم ئىبنى ھىشام ياكى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئىككىسىنىڭ بىرسى) بىلەن كۈچلەندۇرگىن!» دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. ئى ئۆمەر! ئۇنداق قىلما، اﷲ قا بويۇن ئەگكىن!”
بۇ سۆزلەرنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغان ئۆمەر:
“ئى خەبباب! ئۇنداقتا، مۇھەممەدنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن، مەن بېرىپ مۇسۇلمان بولاي!” دېدى. بۇنىڭغا بەكمۇ سۆيۈنگەن خەبباب:
“پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەفا يېنىدىكى پالانچى ئۆيدە قالغان. ئۇنىڭ يېنىدا بىر قانچە ساھابىلىرىمۇ بار” دېدى. ئۆمەر قىلىچىنى ئېسىپ، دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆيگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ يەرگە بېرىپ ئىشىكنى قاقتى. ئۆي ئىچىگە ئۆمەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىنىشى بىلەن ساھابىلەردىن بىرى ئىشىككە بېرىپ سىرتنى كۆزەتتى ۋە ئۆمەرنىڭ قىلىچىنى يېنىغا ئاسقان ھالدا ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ھولۇققان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ:
“ ئى رەسۇلۇللاھ! ئىشىك ئالدىدا ئۆمەر تۇرىدۇ. قىلىچىنى يېنىغا ئېسىۋاپتۇ” دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ھەمزە:
“قويۇپ بەرگىن، كىرسۇن! ئەگەر نىيىتى ياخشى بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىمىز. ئەگەر نىيىتى يامان بولسا، ئۇنى ئۆز قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرىمىز” دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ:
“ئىشىكنى ئېچىڭلار، كىرسۇن!” دەپ بۇرىدى. ساھابە بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.
ئۆمەر ئىچىگە كىرىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئالدى. ئۇنىڭ يەكتىكىنى سىقىملاپ تۇرۇپ، بىر سىلكىدى ۋە:
“ئى ئىبنى خەتتاب! بۇ يەرگە نېمە مەقسەت بىلەن كەلدىڭ؟ ماڭا قارا! شۇ خۇيۇڭنى ئۆزگەرتمىسەڭ، اﷲ ساڭا چوڭ بالايىئاپەت بېرىدۇ” دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئۆمەر:
“ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ يەرگە اﷲ قا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە اﷲ تىن چۈشكەن ھەقىقەتلەرگە ئىمان ئېيتىش ئۈچۈن كەلدىم” دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇشاللىقىدىن تەكبىر ئېيتىشقا باشلىدى. تەكبىر ئاۋازىدىن ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇققان ساھابىلەرمۇ ئىچ ـ ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:”“مەن ئۆزەم ئىسلامدىن يىراق بولۇش بىلەنلا قالماي، باشقىلارنىمۇ يىراقلاشتۇراتتىم. ئۇندىن باشقا، جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىچىملىك بىلەن بەكمۇ ئۈلپەتداش بولۇپ، ھەردائىم ئىچىپ تۇراتتىم. بىزنىڭ ھازۇرا دېگەن يەردە يىغىلىدىغاب بىر يېرىمىز بار ئىدى. قۇرەيشلىك ئۈلپەتلىرىم بىلەن ئۇ يەردىكى بەنى مەھزۇندىن ئامىر ئىبنى ئابىد ئىبنى ئومراننىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر يەردە يىغىلىپ ئىچىشەتتۇق ھەم كۆڭۈل ئاچاتتۇق. بىر كۈنى كەچتە ئادىتىم بويىچە ئۈلپەتلىرىم بىلەن تېپىشىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردىم، ئەمما ئۇ يەردە ھېچكىم يوق ئىدى. ئۆز ـ ئۆزەمگە: ئەجىبا، پالانچىنىڭ مەيخانىسىغا بېرىپ باقايمۇ؟ ـ دەپ ئويلىدىم. مەككىدە بىر مەيپۇرۇش بار ئىدى. ئۇنىڭ قېشىغا بارسام، بەلكىم ئىچكىدەك بىر نەرسە تاپالارمەن دېگەن خىيال بىلەن شۇ يەرگە قاراپ ماڭدىم، ئەمما ئۇنىمۇ تاپالمىدىم. ئاندىن: كەئبىگە بېرىپ، يەتتە ياكى يەتمىش تۈرلۈك تاۋاپ قىلايمۇ؟ ـ دەپ ئويلاپ، كەئبىگە باردىم. كەئبىنى تاۋاپ قىلماقچى بولۇپ تۇراتتىم، بىردىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ نامازغا تۇرغان ۋاقىتتا، ئالدىنى شام تەرەپكە قىلاتتى. كەئبە شام بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا قالاتتى. ئۇ دائىم رۇكنۇل ئەسۋەد بىلەن رۇكنۇل يەمامەنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى.
ئۇنى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، نېمە ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. لېكىن، مېنى تۇيۇقسىز كۆرۈپ قېلىپ، چۆچۈپ كەتمىسۇن دېگەن خىيال بىلەن ھىجرى ئىسمائىل تەرەپتىن كەئبىنىڭ يوپۇقىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ھالدا ناھايىتى ئاستا مېڭىپ، ئۇنىڭغا قاراپ ئىلگىرىلىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا بولۇپ، ئايەت ئوقۇۋاتاتتى. مېڭىپ ـ مېڭىپ دەل ئالدىغا كەلدىم. ئۇنىڭغا شۇ قەدەر يېقىنلاشتىمكى، ئارىمىزدا كەئبە يوپۇقىدىن باشقا بىر نەرسە قالمىغانىدى. ئۇ ئوقۇغان قۇرئاننى ئاڭلاپ قەلبىم شۇررىدە ئېرىپ، كۆزلىرىم نەملەشتى ۋە ئىچىمدە ئىسلامغا بولغان بىر خىل ھېسسىيات پەيدا بولۇشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىنى تۈگەتكىچە ئورنۇمدىن قىمىرلىمىدىم. ئۇ نامىزىنى تۈگىتىپ كەئبىدىن چىقتى.
ئۇ ئۆيىگە قايتىش يولىدا ئىبنى ئەبۇ ھۇسەيىننىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. يول سەئيى قىلىنىدىغان يەر (ھاجىلار ھەرەم مەسچىتىنىڭ يېنىدىكى سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم بېرىپ كېلىدىغان ۋاجىب ئىبادەت سەئيى دەپ ئاتىلىدۇ ـ ت.) دىن چىققۇچە مۇشۇ پېتى داۋاملىشاتتى. ئاندىن ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب بىلەن ئەزھەر ئىبنى ئابدى ئەۋفنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقىدىن، ئۇندىن كېيىن، ئەل ئەھنەس ئىبنى شۇراقنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، يولنىڭ ئاخىرىغىچە ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆز ئۆيىگە يېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ ئۆيى دارۇرراقتادا بولۇپ، ئۇ ئەتراپ مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇسۇفيانغا قارايتتى. مەن ئۇنى يول بويى كۆزىتىپ ماڭدىم.
دەل ئابباس بىلەن ئىبنى ئەزھەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىسىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا يېتىشتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاۋازىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئۆزىنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقانلىقىمنى بىلدى. ئۇ ئۆزىگە بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرىگەنىدى. ماڭا ناھايىتى جىددىي قىياپەتتە:
ــ بۇ ۋاقىتتا، بۇ يەرلەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرىسەن؟ ئى ئىبنى خەتتاب! - دەپ سورىدى. مەن:
ــ اﷲ قا، پەيغەمبىرىگە ۋە اﷲ تىن كەلگەن ھەقىقەتلەرگە ئىمان ئېيتماقچىمەن، ـ دەپ جاۋاب بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇشاللىقىدىن اﷲ قا ھەمدۇ سانا ئوقۇدى ۋە ماڭا:
ــ اﷲ تائالا ساڭا ھىدايەت ئاتا قىلىپتۇ، ئى ئۆمەر! ـ دەپ خۇشاللىقىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن، مۇبارەك قوللىرى بىلەن مەيدەمنى سىلىدى ۋە ماڭا دۇئا قىلدى. ئاندىن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆيىگە كەتتى.”
يەنە ئاڭلىتىشلارغا قارىغاندا، ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن: “قۇرەيشلەر ئىچىدە كىم ئەڭ كۆپ غەيۋەت ـ شىكايەت قىلىدۇ؟” دەپ سۈرۈشتۈرۈپتۇ. كىشىلەر ئۇنىڭغا جەمىل ئىبنى مۇئەممەر ئەل جىمھىنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: “ئى جەمىل، ماڭا قارا! مەن مۇسۇلمان بولدۇم ۋە مۇھەممەدنىڭ دىنىغا كىردىم. سېنىڭ بۇندىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟” دەپ سوراپتۇ. جەمىل جاۋاب بەرمەپتۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭ كىيىمىدىن تۇتۇپ سىلكىشلەپتۇ ۋە ئۆزىگە سەل قارىماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. جەمىل بۇ ئىشنى خەلققە يېيىش ئۈچۈن سىرتقا قاراپ مېڭىپتۇ، ئۆمەرمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ مېڭىپتۇ. جەمىل كەئبىنىڭ دەرۋازىسىغا يېتىپ كېلىپ، ئاۋازىنىڭ بارىچە: “ئەي قۇرەيشلەر! ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۆز دىنىنى تەرك ئېتىپتۇ” دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ. ئۇندىن كېيىن ھەزرىتى ئۆمەر خەلق ئاممىسىغا قاراپ: “ياق! بۇ ئادەم يالغان گەپ قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭ ھېچقانداق دىنىم بولمىسا، قايسى دىننى تەرك ئېتىمەن؟ مەن پەقەت مۇسۇلمان بولدۇم” دەپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغاندىن كېيىن: “شاھادەت ئېيتىمەنكى، اﷲ تىن باشقا (ئىبادەت قىلىشقا لايىق) ئىلاھ يوقتۇر. مۇھەممەد ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر” دەپتۇ.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خەلق غەليان چىقىرىپ، ھەزرىتى ئۆمەرگە قاراپ يوپۇرۇلۇپ كەپتۇ. ھەممىسى ئۇنى ئۇرۇپ يەنچىۋەتمەكچى بولغانىكەن. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ئۇلارنى ئۇرۇپ، ئۆزىنى قوغداشقا تىرىشىپتۇ. مانا مۇشۇنداق، ئەتىگەن سەھەر ۋاقتىدىن تاكى كۈن تىكلەشكىچە تىركىشىپ تۇرۇپتۇ. ئاخىرى ھالسىزلىنىپ يەرگە يىقىلىپتۇ. خەلق ئۇنىڭ بېشىغا يىغىلىپتۇ، ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارغا قاراپ: “ماڭا قاراڭلار! مېنى نېمە قىلماقچى بولساڭلار، شۇنى قىلىڭلار. ئەمما اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بىز ئەڭ ئاز 300 كىشى بولغان بولساق، يا بىز سىلەرنى بۇ يۇرتتىن قوغلاپ چىقىراتتۇق ياكى سىلەر بىزنى قوغلايتتىڭلار” دەپتۇ. دەل شۇ پەيتتە، ئۈستىگە يەمەندە ئىشلەنگەن يەكتەك ۋە كەشتىلەنگەن تون كىيگەن، ياشانغان بىر قۇرەيشلىك كىشى يېتىپ كەپتۇ. ئۇ كىشى خەلق توپىغا يېقىنلىشىپ:
ــ نېمە بولدى؟ ـ دەپ سوراپتۇ. كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەزرىتى ئۆمەرنى كۆرسىتىپ:
ــ بۇ ئادەم دىنىنى تەرك ئېتىپتۇ، ـ دېيىشىپتۇ. ئۇ كىشى:
ــ ھە، ئۇنىڭ تىلىنى باغلىماقچىمۇ سىلەر؟ بۇ ئادەم ئۆزى ئۈچۈن بىر يول تاللاپتۇ. ئۇنىڭدىن نېمە تەلەپ قىلىسىلەر؟ سىلەر بەنى ئادىي ئائىلىسى بۇ كىشىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاشلاپ قويىدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟- دەپ نەسىھەت قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەزرىتى ئۆمەردىن ۋاز كېچىپ تارقىلىپ كېتىپتۇ.
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلار دادامنى خۇددى كىيىمدەك ئورىۋالغانىدى. ئۇ ئادەمنىڭ گېپى بىلەن ئۇ كىيىم دادامنىڭ ئۈستىدىن سىرىلىپ چۈشكەندەك بولدى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، بىر كۈنى دادامدىن:
ــ دادا، سەن مۇسۇلمان بولغان كۈن سېنى ئۇرماقچى بولغانلارنى سەندىن يىراقلاشتۇرغان ئۇ كىشى كىم ئىدى؟ (اﷲ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن!) ـ دەپ سورىدىم. دادام:
ــ ئوغلۇم، ئۇ ئادەم ۋائىل ئىبنى ئاس ئىدى. ئەمما اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولمىسۇن! - دېدى.
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:”“مەن مۇسۇلمان بولغان كۈن، مەككىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ كۆپ ئۆچمەنلىك قىلىدىغان كىشىنىڭ كىملىكىنى ئۇقۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئېيتىش ئارقىلىق ئۇنى راسا خاپا قىلىشنى ئويلىدىم. ئەقلىمگە ئەبۇ جەھىل كەلدى. ئەتىسى ئەتىگەن بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشىكىنى قاقتىم. ئۇ سىرتقا چىقتى ۋە ماڭا:
ــ خۇش كەلدىڭ جىيەنىم! نېمە بولدى؟ بىر ئىش بولدىمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. مەن:
ــ مەن مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ساڭا بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم، ـ دەپ ئۇنى خاپا قىلماقچى بولدۇم. ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپلا ئىشىكنى يۈزۈمگە قارىتىپ جاڭڭىدە يېپىۋېتىپ:
ــ ئېلىپ كەلگەن ئۇ خەۋىرىڭنى نەگە ئېلىپ بارساڭ بار! ـ دېدى.”
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دەيتتى:
“ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇسۇلمان بولغانغا قەدەر بىز كەئبىدە ھەرگىز ناماز ئوقۇيالمايتتۇق. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، قۇرەيشلەر بىلەن ئېلىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى كەئبىدە ناماز ئوقۇيالايدىغان بولدى. بىزمۇ ئۇنىڭ سايىسىدا كەئبىدە ناماز ئوقۇيدىغان بولدۇق. ھەزرىتى ئۆمەر ساھابىلەردىن بىر مۇنچىسى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانىدى.”
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد يەنە مۇنداق دەيدۇ:
“ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خۇددى چوڭ بىر فەتىھ ئېلىپ بېرىلغاندەك ئىش بولدى. شۇنداقلا، ئۇنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى زەپەر، خەلىپە سايلىنىشى بولسا، رەھمەت ئىدى. ئۆمەر مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن، بىز كەئبىدە ناماز ئوقۇيالمايتتۇق. ئەمما ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، قۇرەيشلەر بىلەن ئېلىشىپ يۈرۈپ ناماز ئوقۇيدىغان بولدى. بىزمۇ ئۇنىڭ سايىسىدا كەئبىدە ناماز ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولدۇق.”
ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:”“ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! ئۆلسەك ياكى ساق قالساقمۇ ھەق يولدا بولغان يەنىلا بىز ئەمەسمۇ؟” دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
“ئەلۋەتتە! جېنىم قۇدرەت قولىدا بولغان اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلسەڭلار ياكى ساق قالساڭلارمۇ توغرا يولدا بولغان پەقەتلا سىلەر بولىسىلەر” دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر:
“ئۇنداقتا، بىز نېمىگە يوشۇرۇنۇپ يۈرىمىز؟” دەپ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن ھۈرلۈكىنىڭ ئېلىنغانلىقىغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئاندىن:
“سېنى ھەق پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئەھۋالدىن (مەخپىي ئىش قىلىشتىن) قۇتۇلۇپ چىقمىساڭ بولمايدۇ” دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئىشنى ئاشكارىلاشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنىدى. چۈنكى، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش مەسىلىسى دەسلىپىدە تەربىيە ۋە ياردەمگە موھتاج كىچىك بالىغا ئوخشايتتى. ئەمما بۇ بالا چوڭ بولۇپ، ئۆزى ماڭالىغۇدەك ھالغا كەلگەنىدى. دەرۋەقە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەت ۋە ئىبادەت ئىشلىرىنىڭ ئەمدى ئاشكارە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاندىن، ساھابىلىرىنى ئىككى سەپ قىلىپ تىزىپ، كەئبىگە قاراپ ماڭدى.
بۇ سەپلەرنىڭ بىرىدە ئۆمەر، يەنە بىرىدە ھەمزە بار ئىدى. ئۇ ئىككىسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا كۆرگەن مۇشرىكلار قاتتىق ئەپسۇسلاندى. ئۇلار ھېچقاچان مۇنداق (توپلاشقان ھالدا) ئەپسۇسلانمىغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كۈنى ھەزرىتى ئۆمەرگە «فارۇق» ئۇنۋانىنى بەردى.
ھەزرىتى ئۆمەرگە كەلسەك، قۇرەيشلەردىن ھېچكىم ئۇنى بوزەك قىلالمايتتى. ئەمما ئۇلار باشقا مۇسۇلمانلارغا بەكمۇ يامان مۇئامىلە قىلاتتى. ئۆمەر بۇ ئەھۋالغا بەكمۇ قايغۇراتتى ۋە: «مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا قانداق كۈن كەلسە، مېنىڭ بېشىمغىمۇ شۇنداق كۈننىڭ كېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن» دەيتتى. شۇ ۋەجىدىن، كۇپۇرلۇقنىڭ بېشى بولغان مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرى بىلەن بىر نەچچە قېتىم قىزىرىشتى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ـ ئاشكارا ئېيتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى تەكرار ـ تەكرار خاتىرىلىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، پۇرسىتى كەلگەندە ئۇلارنى راسا دۇمبالاپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇلاردىكى ئۆچىنى ئېلىپ بېرىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ ئەسلىدە مۇشرىك چوڭلىرى بىلەن تەڭ تۇرالايتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر ھېچقاچان مۇسۇلمانلار نائىل بولمىغان نېئمەتكە ۋە ئۇلاردا بولمىغان سالامەتلىككە ئۆزىنىڭ ئىگە بولۇشىنى خالىمايتتى. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلەر ئۇنىڭغا قارشى بىر سەپ بولدى. بىر كۈنى، ھەزرىتى ئۆمەر قۇرەيش چوڭلىرىدىن ئۇتبە ئىبنى رابىئەنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كېلىپ، بارمىقىنى ئۇنىڭ كۆزىگە تىقىپ، چىڭ بېسىشقا باشلىدى. بۇ ئاغرىققا چىدىمىغان ئۇتبە ۋار ـ ۋار ۋارقىراپ كەتتى. ئەتراپتا تۇرغان خەلق ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئەلپازىدىن شۇنداق قورقۇپ كېتىشتىكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىگە يېقىنلاشقانلارنىڭ ئىچىدە خەلققە تونۇلغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىم بولسا، شۇنى تۇتۇپ راسا دۇمبالىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق چىل بۆرىدەك تەرەپ ـ تەرەپكە پېتىراپ كەتتى.
كۈنلەر ئۆتكەنسېرى، قۇرەيشلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان بېسىمى تېخىمۇ ئېشىپ كەتتى. ئەمما ئىسلام دىنى مەدىنىدە تېز يېيىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىلىك مۇسۇلمانلارنى مەدىنىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىشقا ئۈندىدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسۇلمانلار گۇرۇپپا ـ گۇرۇپپا بولۇپ تەييارلىنىپ، مەككىنى خۇپىيانە تەرك ئەتتى. ھەزرىتى ئۆمەردىن باشقا مۇھاجىرلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق يوشۇرۇن ھالدا مەككىدىن چىقىپ كەتتى.
ھەزرىتى ئەلى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەلى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:”“ئۆمەردىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى مەككىدىن ناھايىتى مەخپىي چىقىپ كەتتى. ئەمما ئۆمەر ھىجرەت قىلىشقا قارار بەرگەن ۋاقتىدا، قىلىچىنى يېنىغا ئېسىپ، ئوقياسىنى مۇرىسىگە ئارتىپ، بىر قولىدا ئوق، يەنە بىر قولىدا ھاسا تايىقىنى تۇتۇپ، ئۇدۇل كەئبىگە ماڭدى. بىر توپ قۇرەيشلىك كەئبىنىڭ ئەتراپىدا توپلىنىپ تۇراتتى. ئۆمەر ھېچقانداق ھولۇقماي بېرىپ، كەئبىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ تاۋاپ قىلدى. ئاندىن ماقامى ئىبراھىمدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى. ئاندىن ئۇ يەردە توپلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىگە قاراپ تۇرغان قۇرەيش مۇشرىكلىرىغا قاراپ:
ــ اﷲ ھەممىڭنىڭ جازاسىنى بەرسۇن! سەن خەق يېقىندا كۆرگۈلۈڭنى كۆرۈشىسەن. ماڭا قاراش! ئاراڭلارغا كىم ئانىسىنى ئارقىسىدىن يىغلىتىشنى، بالىسىنى يېتىم قىلىپ، ئايالىنى تۇل قويۇشنى ئويلىسا، كېلىپ شۇ دۆڭنىڭ ئارقىسىدا قارشىمغا چىقسۇن! ـ دېدى.
ئەمما قۇرەيشلەردىن ھېچكىم ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
پەقەت زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلاردىن بىر توپ كىشى كېلىپ، ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. يولدا ئۆمەر ئۇلارغا بەزى ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ، پايدىلىق يوللارنى كۆرسىتىپ بەردى. ئاندىن ئۇلار بىلەن ۋىدالىشىپ، ئۆزى يالغۇز يۈرۈپ كەتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر ھىجرەت تەييارلىقىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رابىئە ۋە ھىشام ئىبنى ئاس ئىسىملىك ئىككى دوستىغىمۇ خەۋەر بەردى. ئۇلار بىللە ھىجرەت قىلماقچى بولغانىدى ۋە مەككىدىن ئون مىل يىراقلىقتىكى غىفار دىيارىدا ئۆزلىرى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا كۆرۈشمەكچى بولۇشتى. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يېتىپ كېلەلمىگەننى ساقلىماي، قالغانلار مەدىنىگە مېڭىۋېرەتتى. دەرۋەقە، ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن ئەيياش دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى. ئەمما ھىشام مەككىدىكى مۇشرىكلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ، دىنىدىن مەجبۇرىي ياندۇرۇلدى. ئۇلار يولغا چىقىپ، مەدىنىگە يېقىن قۇبە يېزىسىغا يېتىپ كەلدى ۋە رىفەئە ئىبنى ئابدۇلمۇنزىرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇردى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تاغىلىرى بىلەن ئەيياشنىڭ تاغىسىنىڭ بالىلىرى بولغان ئەبۇجەھىل ۋە ئىنىسى ھارىس قاتارلىقلار ئۇلارنى نىيىتىدىن ياندۇرۇش مەقسىتىدە كەينىدىن ئىز قوغلاپ، قۇبەگىچە يېتىپ كېلىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭغا بىر نېمە دېيىشنى خالىمىدى. ئەمما ئەيياشنى يانلىرىغا چاقىرىپ ئۇنىڭغا: «ئاناڭ سېنى كۆرمىگىچە ئۆزىنى كۈننىڭ تەپتىدىن دالدىغا ئالمايدىغانلىقىغا ۋە چېچىنى تارىمايدىغانلىقىغا قەسەم قىپتۇ» دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئەيياش ئۆمەرنىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئالدى. ھەزرىتى ئۆمەر: «اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ سېنى دىندىن ياندۇرۇشتىن باشقا نىيىتى يوق. شۇڭا ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلە ۋە ئۇلار بىلەن قايتىمەن دەپ ئويلاشما! يەنە قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر ئاناڭ ئىسىپ كەتسىلا، قەسىمىنى بۇزۇپ سايىدا ئولتۇرىدۇ. بېشىغا بىر تال پىت چۈشكەن ھامان، قولىغا دەرھال سۈزگۈچنى ئېلىپ سۈزىدۇ، ئاندىن چېچىنى مايلايدۇ» دەپ مەسلىھەت بەردى.
ئەمما ئەيياشنىڭ كۆڭلى قايتىشقا مايىل بولۇپ بولغانىدى. شۇڭا ئۇ قايتىش ئۈچۈن بىرمۇنچە باھانىلەرنى كۆرسىتىشكە باشلىدى ۋە ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ مەككىدە خېلى كۆپ مېلىم قالدى. مەن بېرىپ ئۇلارنى يىغىپ كەلسەم، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پايدىسى بولۇپ قالار دەپ ئويلايمەن. بۇ جەرياندا ئانامنىڭ قەسىمىنىمۇ ئورۇندىغان بولىمەن» دېدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا: «سەن مېنىڭ قۇرەيشلەر ئارىسىدىكى بايلاردىن ئىكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىسەن. مەن مېلىمنىڭ يېرىمىنى ساڭا ئاتىۋېتەي. سۆزۈمگە قۇلاق سال، ھەرگىز قايتما!» دېدى.
ئەمما ئەيياشقا نەسىھەت كار قىلمىدى. ئۇ قايتىشقا قەتئىي نىيەت قىلغانىدى. ئۇنىڭ نىيىتىدىن يانمايدىغانلىقىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئۆمەر: « بوپتۇ، سەن قايتىشقا نىيەت باغلىغان بولساڭ، باشقا ئامال يوق. ئەڭ بولمىغاندا، مۇنۇ تۆگەمنى ئېلىپ ماڭ. ئۆزى نەسىللىك ۋە يۇۋاش بىر تۆگە. ئەگەر يولدا بۇ ئادەملەردىن چاتاق چىقسا، بۇ تۆگە بىلەن قېچىپ، جېنىڭنى قۇتۇلدۇرارسەن» دېدى.
دەرۋەقە، مەككىگە قايتىپ (40 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى) دەژنان دېگەن يەرگە كەلگەندە، ئەبۇجەھىل: «جىيەنىم! مېنىڭ تۆگەم بەكمۇ ھېرىپ كەتتى. خاپا بولمىساڭ، سېنىڭ تۆگەڭگە بىردەم مىنگەن بولسام» دەپ بىر باھانە ئويدۇرۇپ چىقتى. ئەيياش: « ئەلۋەتتە بولىدۇ» دەپ تۆگىسىنى چۆكتۈردى. ئۇنىڭ پۇتى يەرگە تېگەر ـ تەگمەي مۇشرىكلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۇنى باغلىدى ۋە مەككىگە ئېلىپ كېلىپ: «ئى مەككە خەلقى! بۇ پەسكەش ئادىمىڭلارنى ئېلىپ بېرىپ، قانداق قىلساڭلار قىلىڭلار!» دەپ جار سالدى.
ئۇلار ئەيياشنى زىندانغا تاشلىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئائىلىسى، ئىنىسى زەييىد، تاغىسىنىڭ ئوغلى سەئد ئىبنى زەييىد، كۈيئوغلى ھۇنەيس ئىبنى ھۇزافە ۋە ئۆزىنىڭ تەرەپدارلىرىدىن بىرى بولغان ۋاقىد ئىبنى ئابدۇللاھ قاتارلىقلار يېتىپ كەلگىچە رىفەئە ئىبنى ئابدۇلمۇنزىرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇردى. ئۇلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىللە مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ كاللسى ھەردائىم ئۇ ئىككى دوستىنىڭ ئاقىۋىتىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇشىنى تىلەپ يۈردى. كېيىنكى مەزگىللەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئىنىسى ۋەلىد ئىبنى ئەل ۋەلىدنى ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مەككىگە ئەۋەتتى. ئۇ بىر يولىنى تېپىپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ، مەدىنىگە قايتۇرۇپ كەلدى.”
ھەزرىتى ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا مەسلىھەت سورايدىغان چوڭ ساھابىلەردىن بىرى ئىدى. بەزىدە كەلگەن ۋەھيىلەر ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ پىكىرلىرى بىلەن ئوخشاش چىقىپ قالاتتى. ئۇ، ساھابىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چوڭلۇق دەرىجىسىدە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن كېيىن قالسا، ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى. جەڭلەرنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولۇپ، بۇ قەھرىمانلىق مەيدانلىرىدا ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە ھەيۋىسى بىلەن ئەتراپقا تونۇلدى. ئۇمۇ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە ئوخشاش ھەردائىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا تۇرۇپ، ئۇنى قوغدايتتى ۋە ئۆز جېنىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قالقان قىلاتتى. دۈشمەنگە ھەرگىز رەھىم ـ شەپقەت قىلمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرلىرىنى تولۇقى بىلەن بىجا كەلتۈرەتتى. ھېچقاچان بىر مەسىلىنى ئۆز كۆز قارىشى ياكى ئىدىيىسى بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇرۇنمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىۋىنى ھەر دائىم ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرەتتى. دەرۋەقە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ھەزرىتى ئابباسنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا ئۇ قەدەر سۆيۈندىكى، ئەگەر ئۆزىنىڭ دادىسى خەتتاب مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئۇنچىلىك سۆيۈنمىگەن بولاتتى. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئەگەر خەتتاب مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئۇنىڭغا ئابباسنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىغا خۇش بولغاندەك خۇش بولمىغان بولاتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرەيشنىڭ ئەبۇ سۇفيان باشچىلىقىدىكى تىجارەت كارۋىنىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن بەدرىگە باردى، كارۋان بالدۇر ئۆتۈپ كېتىپ، قۇتۇلۇپ قالدى. ئەمما مۇسۇلمانلار كارۋاننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن مەككە قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەنسارلاردىن مەسلىھەت ئالماقچى بولدى. سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئۆمەر ۋە مىقداد ئىبنى ئامىرلار نۆۋەت بىلەن سۆز قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توختىماي: “ئى مۇسۇلمانلار! ماڭا بىر مەسلىھەت بېرىڭلار!” دەپ ساھابىلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىشقا تىرىشاتتى.
شۇ ئەسنادا، سەئد ئىبنى مۇئاز سۆز ئېلىپ: “ئى رەسۇلۇللاھ! قارىغاندا سەن بىزدىن پىكىر ئالماقچى بولۇۋاتقان ئوخشىمامسەن؟” دەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا، ئۆزلىرىنىڭ قانداق قىلىپ پىكىر بايان قىلالايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب تاپماقچى بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “شۇنداق! مەن سىلەرنىڭ پىكرىڭلار بويىچە ئىش قىلماقچىمەن” دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن، مىقداد جاسارەتلىنىپ جايىدا گەپ قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇشرىكلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
اﷲ تائالا يۈز بېرىشىنى تەقدىر قىلغان بەدرى جېڭى باشلاندى. ھەقنى ۋە ھەقلىق بولغانلارنى ئۈستۈن قىلىپ، كاپىرلارنى تالاپەتكە ئۇچراتتى. شۇڭا بولسا كېرەك، مۇسۇلمانلارنى ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغان تىجارەت كارۋىنى بىلەن ئۇچراشتۇرمىغانىدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كاپىرلارنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيتتى، شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمانلار زەپەر قازاندى. مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە، ماددىي ۋە مەنىۋىيي جەھەتتىنمۇ بۇنداق بىر جەڭگە تەييارلىقسىز ئىدى. چۈنكى، ئۇلار ئەسلىدە مەككە قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تىجارەت كارۋىنىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىققانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قوراللىرى ئاز، ئۇلاغلىرى يوق دېيەرلىك، كىيىم ـ كېچەك ۋە ساۋۇت ـ دۇبۇلغىلىرىمۇ بەك ناچار ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا مەككە قوشۇنى قۇرەيشنىڭ چوڭلىرى ۋە كاتتىباشلىرىدىن 70 ئۆلۈك، 70 كە يېقىن ئەسىر تاشلاپ مەككىگە قايتتى.
بۇ، ئىسلام بىلەن كۇپرىلىق ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى جەڭ بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۇرۇش ئۈچۈن ئالغان تۇنجى قەدىمىدىلا ئىرق ۋە قان مۇناسىۋىتى ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد ۋە ئىمان مۇناسىۋىتىنىڭلا ئىنسانلارنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇلۇغ مەقسەت يولىدا بىرلەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرگىنى مانا بۇ ئۇلۇغ كۈچ ئىدى. (قارشىسىدىكى قوشۇننىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ) ھەرقانداق شەرت ـ شارائىت ئاستىدا كۇپۇر ئەھلى، مۇشرىكلار بىلەن ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى. دەرۋەقە، ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە قىلچە پىسەنت قىلمىغان ھالدا بۇ جەڭدە تاغىسى ئەل ئاس ئىبنى ھىشامنى ئۆلتۈردى. ئۇ، بۇ پرىنسىپىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۆزى قىلغان بۇ ئىشتىن ھەردائىم پەخىرلىنىپ يۈردى. ئۇ بىر قېتىم سەئد ئىبنى ئەل ئاسنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ ئۆزىگە تەتۈر قارىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى ۋە: «ماڭا خاپا بولۇپ قالغاندەك كۆرۈنىۋاتىسەن. بەلكىم، دادامنى ئۆلتۈرۈۋەتتى دەپ خاپا بولۇپ يۈرگەنسەن. ئەگەر داداڭنى مەن ئۆلتۈرگەن بولسام، سەندىن ھەرگىز كەچۈرۈم سورىمىغان بولاتتىم. ئەسلىدە مەن داداڭ بىلەن ئىسىمداش بولغان (تاغام) ئاس ئىبنى ھىشام ئىبنى مۇغىرەنى ئۆلتۈردۈم. داداڭغا كەلسەك، ئۇنىڭ بىلەن يۈزمۇ يۈز كېلىپ قالغىنىمدا ئۇ خۇددى ئۆكۈزدەك ئەتراپنى توپا ـ چاڭغا كۆمۈۋەتكەنىدى. مەن يۆنىلىشىمنى ئۆزگەرتتىم. دەل شۇ پەيتتە، ئۇنىڭ (يەنى داداڭنىڭ) تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى كېلىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۆلتۈرىۋەتتى» دېدى.
بەدرى جېڭى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار مۇشرىكلاردىن ئەسىر ئالغان 70 كىشىنى ئالدىغا سېلىپ، مەدىنىگە قايتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس، تاغىسىنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئۇقەيل (ھەزرىتى ئەلىنىڭ قېرىندىشى) قاتارلىقلار بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەسىرلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىلىق يەنە ساھابىلىرىدىن مەسلىھەت سوراشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە قاتارلىقلار بۇ ساھابىلەردىن بىر قانچىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: “ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! بۇلار بىزنىڭ تاغىلىرىمىزنىڭ ئوغۇللىرى، يېقىنلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز. مەنچە بۇلاردىن فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرەيلى. بەلكىم بۇلاردىن ئالىدىغان مال بىلەن خېلى كۈچلىنىپ قالارمىز.
ئەگەر اﷲ بۇلارغا ھىدايەت ئاتا قىلىپ قالسا، تېخىمۇ چوڭ پايدىغا ئېرىشكەن بولىمىز” دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “ئەي ئىبنى خەتتاب! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟” دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئۆمەر: “ياق! اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ پىكرىم ئەبۇبەكرىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. مەنچە بولغاندا، سەن ماڭا رۇخسەت قىلغىن، مەن بېرىپ شۇ تۇغقىنىمنىڭ بوينىنى چاپاي! ئاندىن ھەمزەگە رۇخسەت قىلغىن، ئۇ بېرىپ ئابباسنىڭ بوينىنى چاپسۇن! ئاندىن ئەلىگە رۇخسەت قىلغىن، ئۇمۇ قېرىندىشى ئۇقەيلنىڭ بوينىنى چاپسۇن! مۇشۇ ئارقىلىق كۆڭلىمىزدە مۇشرىكلارغا نىسبەتەن قىلچە مېھىر ـ مۇھەببەت ۋە مايىللىقنىڭ يوقلۇقىنى خەلقى ئالەم بىلسۇن!” دېدى. ھەزرىتى ئەلى ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەمۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ پىكرىنى قوللىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لام ـ جىم دېمەي بىردەم ئولتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، قايتىپ چىقىپ: “اﷲ تائالا بۇ كېڭەشتە ئولتۇرغان بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى شۇنداق يۇمشاق قىلغانكى، ئۇلارنىڭ كۆڭلى پاختىدىنمۇ بەكرەك يۇمشاپ كېتىدۇ. ۋە بەزىلىرىنىڭ كۆڭلىنى شۇنداق قاتتىق قىلغانكى، ئۇلارنىڭ كۆڭلى تاشتىنمۇ بەكرەك قېتىپ كېتىدۇ. ئى ئەبۇبەكرى! سەن بىر قاراشتا ھەزرىتى ئىبراھىمغا ئوخشاپ كېتىسەن. چۈنكى ئۇ: «كىم ماڭا ئەگەشسە، ئۇ مېنىڭ بىر پارچەم ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر كىم ماڭا قارشى چىقسا، اﷲ ئۇنى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» دەيتتى. يەنە بىر قاراشتا سەن ھەزرىتى ئىساغا ئوخشايسەن. چۈنكى ئۇ: « ئەگەر ماڭا قارشى چىققانلارنى جازالىساڭ، مۇھەققەقكى، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر. ئەگەر ئۇلارنى كەچۈرسەڭ، سەن يەنىلا ھەممىدىن ئۇلۇغ، چەكسىز ھېكمەت ئىگىسىسەن» دەيتتى. ئى ئۆمەر! ساڭا كەلسەك، سەن ھەزرىتى نۇھقا ئوخشايسەن. چۈنكى ئۇ: (پەرۋەردىگارىم! يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن. ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ( دەپ يالۋۇرغانىدى. سەن يەنە فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەربابلىرىغا: (پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، چۈنكى ئۇلار قاتتىق ئازابنى كۆرمىگىچە ئىمان ئېيتمايدۇ( دەپ بەددۇئا قىلغان ھەزرىتى مۇساغا ئوخشايسەن.” بۇ ئوخشىتىشلاردىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: “سىلەر پېقىرسىلەر (ئىقتىسادىي كۈچكە ئېھتىياجىڭلار بار). شۇڭا ئەسىرلەرنى چىڭ تۇتۇڭلار. يا ئۇلاردىن فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار ياكى بوينىنى چېپىپ تاشلاڭلار!”
ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: «ئەتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىرسەم، ئەبۇبەكرى بىلەن ئىككىسى يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلاردىن:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! نېمىگە يىغلايسىلەر؟ ئەگەر يىغلىيالىسام، مەنمۇ سىلەر بىلەن تەڭ يىغلاي. ئەگەر يىغلىيالمىسام، يىغلاشقا تىرىشاي،- دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ بىزنى يىغلاتقان نەرسە تۈنۈگۈن ھەمراھلىرىڭلارنىڭ ئەسىرلەرنى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىش ھەققىدە بەرگەن مەسلىھەتىدۇر. چۈنكى، بۇ سەۋەب بىلەن سىلەرگە كېلىدىغان جازاغا ئاۋۇ يەردە تۇرغان دەرەختىنمۇ يېقىن بىر ئارىلىق قالدى، ـ دېدى. چۈنكى اﷲ تائالا بۇ ھەقتە مۇنۇ ئايەتنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرغانىدى: (پەيغەمبەرگە دۈشمەننى كۆپ ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۇئمىنلەر!
سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، اﷲ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. اﷲ نىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار.(.
ئۇندىن كېيىن اﷲ تائالا مۇنۇ ئايەتنى چۈشۈردى: (سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ)، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار، ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر اﷲ خالىسا ئەلۋەتتە ( سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن اﷲ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى)، اﷲ نىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى اﷲ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.(
ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا قۇرەيشلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق ناتىقى سۇھەيل ئىبنى ئامىرمۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا رۇخسەت قىلغىن! مەن سۇھەيلنىڭ 32 چىشىنى تۆكۈپ، بۇندىن كېيىن ساڭا قارشى نۇتۇق سۆزلىيەلمەس قىلىۋېتەي. ئۇ ئەمدى نەگە بارسا، تىلىنى چايناپ يۈرسۇن،- دەپ ئىلتىماس قىلدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ياق! مەن ھېچكىمنىڭ ۋۇجۇدىغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. گەرچە پەيغەمبەر بولساممۇ، بۇ ئىش تۈپەيلىدىن اﷲ تائالامۇ مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا زەخمەت يەتكۈزىدۇ،- دەپ جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلمىدى. ئاندىن:
ــ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ خىزمەت قىلغانلىقىنى كۆرىسەن! ـ دەپ مۇجىزە خاراكتېرلىك سۆز قىلدى. دەرۋەقە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىغان بىر گۇرۇھ مەككە مۇسۇلمانلىرى مۇرتەد بولۇش ئۈچۈن نىيىتىنى بۇزدى. ئۇلار شۇنداق داۋراڭ سېلىشقا باشلىدىكى، مەككە ۋالىسى ئەتتاب ئىبنى ئۇسەييىدمۇ ئۇلاردىن قورقۇپ يوشۇرۇنىۋالدى. دەل شۇ پەيتتە، سۇھەيل ئىبنى ئامىر ئوتتۇرىغا چىقىپ، اﷲ قا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن: «ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان بولسا، ئۇنداقتا، ئىسلام تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ. سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، كىم ئەقلىمىزنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان بولسا، دەرھال كاللىسىنى ئالىمىز!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، خەلق قايتىدىن تۆۋبە ئىستىغفار ئېيتىشىپ، بېسىقىپ قالدى.
بەدرى ئەسىرلىرى ئارىسىدا ۋەھب ئىبنى ئۇمەير ئىبنى ۋەھب ئەل جىمھىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئۇمەير ئىبنى ۋەھب قۇرەيشلەرنىڭ ئەڭ قۇتراتقۇلىرىدىن ۋە زامانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلەرگە كۆپ زۇلۇم قىلغانلاردىن بىرى ئىدى. بىركۈنى، ئۇمەير ئىبنى ۋەھب بىلەن سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە ئۆيدە ئولتۇرۇپ، بەدرىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەسىر ئېلىنغانلار ھەققىدە پاراڭلاشتى. سەفۋان ئىبنى ئۇمەييەمۇ بەدرى ھازىدارلىرىدىن بىرى بولۇپ، جەڭدە دادىسى ئۇمەييە ئىبنى خەلەپ ۋە باشقا يېقىنلىرى ئۆلگەنىدى. سەفۋان:
ــ قەسەم قىلىمەنكى، شۇنچە ئىشتىن كېيىن بىزنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغىنىمىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، ـ دېدى. ئۇمەير بولسا:
ــ توغرا ئېيتىسەن.
مەنمۇ اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بوينۇمدىكى قەرزلىرىم ۋە مەندىن كېيىن پەرىشان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان بالا ـ چاقىلىرىم بولمىغان بولسا، بېرىپ مۇھەممەدنىڭ ئەدىۋىنى بەرگەن بولاتتىم. چۈنكى، مېنىڭ ئوغلۇممۇ ئۇلارنىڭ قولىغا ئەسىر چۈشتى، ـ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان سەفۋان پۇرسەتتىن پايدىلانماقچى بولدى ۋە ئۇنىڭغا:
ــ قەرزىڭ ماڭا ئائىت، سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن تۆلىۋېتىمەن. بالا ـ چاقىلىرىڭمۇ مېنىڭكىلەر بىلەن بىللە ياشايدۇ. ئۇلار ھاياتتا بولسىلا، مەن ئۇلارنى باقىمەن. ئۇلار ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىپ بېرىشكە قۇربىم يېتىدۇ، ـ دېدى. ئۇمەيىر:
ــ بۇ گەپ ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىلا قالسۇن! ـ دەپ ئاگاھلاندۇردى. سەفۋانمۇ:
ــ خاتىرجەم بولغىن، ھېچكىم ئۇقمايدۇ، ـ دەپ ئۇنىڭغا ۋەدە بەردى.
ئۇمەير مەدىنىگە يېتىپ كەلدى. بۇ ئەسنادا، ھەزرىتى ئۆمەر مەدىنىدىكى مەسجىدكە يېقىن بىر يەردە بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، اﷲ نىڭ بەدرى جېڭىدا مۇسۇلمانلارغا ئاسانلىق ۋە ئېھسان ئاتا قىلغانلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىپ تۇراتتى. ئۇ بىردىنلا ئۇمەيىرنىڭ قىلىچىنى ئاسقان ھالدا تۆگىسىنى مەسجىد ئالدىدا چۆكتۈرۈپ، يەرگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇنى ئەتراپىدا تۇرغانلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: « ئاۋۇ ئىت، اﷲ نىڭ دۈشمىنى ئۇمەيىرغۇ؟ ئۇ چوقۇم بىر يامان نىيەت بىلەن بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. مەككىلىكلەر بىلەن بىزنى كۈشكۈرتۈپ بەدرى ئۇرۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئادەم دەل مۇشۇ شۇ» دەپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، دەرھال مەسجىدكە كىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! شۇ اﷲ نىڭ دۈشمىنى ئۇمەيىر ئىبنى ۋەھب قىلىچىنى ئېسىپ مەسجىدنىڭ ئالدىغا كەپتۇ، ـ دەپ خەۋەر بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ـ قېنى ئېلىپ كىرىڭلار! ـ دەپ بۇيرۇق قىلدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى قىلىچىنىڭ تاسمىسى بىلەن باغلىغاندىن كېيىن، بىرەر پىشكەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بىر توپ ئەنسار بىلەن بىللە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ باغلاقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ:
ــ ئۇ يېشىۋېتىڭلار! ـ دەپ ئەمر قىلدى. ئاندىن ئۇمەيىرگە قاراپ:
ــ قېنى بېرى كەل! ـ دېدى. ئۇمەيىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلاشقاچ:
ــ ئەتىگەنلىكىڭ خەيىرلىك بولسۇن! ـ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ئى ئۇمەيىر! اﷲ بىزگە سېنىڭ سالىمىڭدىنمۇ خەيىرلىكرەكىنى نېسىپ قىلدى. بىزنىڭكىسى جەننەتنىڭ سالامىدۇر، ـ دېدى. ئەمما ئۇمەيىر ئۆزىنى ئاقلاپ:
ــ ئى مۇھەممەد! مەن بۇ سالامنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتىمەن، ـ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن:
ــ بۇ يەرگە نېمە مەقسەد بىلەن كەلدىڭ؟ ـ دەپ سورىدى. ئۇ:
ــ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا ئەسىر چۈشكەن ئوغلۇم ئۈچۈن كەلدىم. ماڭا بۇ ھەقتە بىر ياخشىلىق قىلغان بولساڭلار! ـ دەپ بويۇن ئېگىشكە باشلىدى. ئەمما بۇ گەپكە ئىشەنمىگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ئۇنداقتا، ئۈستۈڭدىكى بۇ قىلىچ نېمە؟ ـ دەپ سورىدى. ئۇمەيىر:
ــ اﷲ بۇنداق قىلىچنىڭ بالاسىنى بەرسۇن! يا بىر ئىشقا يارىمىسا بۇ؟ ـ دەپ كىنايىلىك ۋە مەيۈسلۈك جاۋاب بېرىشكە تىرىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قېتىم جىددىي قىياپەتتە:
ــ راست گەپ قىل! ـ دەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇ:
ــ بۇندىن باشقا بىر ئىش ئۈچۈن كەلمىدىم، ـ دەپ چىڭ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇجىزە خاراكتېرلىك گەپ قىلىپ مۇنداق دېدى:
ــ ياق! ئەكسىچە، سەن سەفۋان بىلەن ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ بەدرى جېڭىدا ئۆلگەنلەرنى ئەسلىدىڭلار.
سەن: « خەپ شۇ قەرزىم ۋە بالا ـ چاقام بولمىغان بولسا، بېرىپ مۇھەممەدنى ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم» دېدىڭ. ئاندىن سەفۋان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرسەڭ، سەفۋان سېنىڭ قەرزىڭنى ۋە ئائىلەڭنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى. ئەمما شۇنى بىلىپ قويغىنكى، اﷲ تائالا سەن بىلەن بۇ مەقسىدىڭ ئارىسىدا سەن ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان ئەڭ چوڭ توسالغۇدۇر!»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئۇمەيىر:
ــ شاھادەت ئېيتىمەنكى، سەن اﷲ نىڭ ھەقىقىي ئەلچىسى سەن. ئى رەسۇلۇللاھ! ئۆز ۋاقتىدا ئاسماندىن چۈشكەن بۇ خەيىرلىك خەۋەرلەرنى بىزگە دەپ بەرسەڭ، بىز سېنى يالغانچىغا چىقىرىپ، ۋەھيىلەرنى ئىنكار قىلغانىدۇق. سەن ھازىر دېگەن گەپلەرنى مەن سەفۋان بىلەن ھېچكىم يوق يەردە ئولتۇرۇپ دېيىشكەنىدۇق. اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، بۇلارنى ساڭا اﷲ تىن باشقا بىرى خەۋەر قىلغان ئەمەس. مېنى بۇنچە يول ماڭدۇرۇپ ھىدايەتكە ۋە ئىسلامغا ئېرىشتۈرگەن اﷲ قا ھەمدۇسانا بولسۇن! ـ دەپ شاھادەت كەلتۈرۈپ، مۇسۇلمان بولدى.
بەدرى جېڭى بولۇپ، بىر يىل ئۆتمەيلا ئوھۇد جېڭى يۈز بەردى. ئوھۇد جېڭىدا مۇسۇلمانلار ئېغىر زەربىگە دۇچ كەلدى. ھەزرىتى ئۆمەر بۇ جەڭدىمۇ قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنى قاتتىق قوغدىدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەككىلىك مۇشرىك قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى ئەبۇسۇفيان ئېگىز بىر دۆڭگە چىقىپ ئۈچ قېتىم:
ــ مۇھەممەد ئاراڭلاردا بارمۇ؟ ئۇ تىرىكمۇ؟ ـ دەپ ۋارقىرىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ئاۋازىڭلارنى چىقارماڭلار، ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار! ـ دېدى. ئەبۇ سۇفيان بۇ قېتىم:
ــ ئەبۇبەكرى تىرىكمۇ؟ ـ دەپ ئۈچ قېتىم ۋارقىرىدى. ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمىدى. ئۇ يەنە:
ــ ئىبنى خەتتاب (ئۆمەر) تىرىكمۇ؟ ـ دەپ ئۈچ قېتىم ۋارقىرىدى. يەنە ھېچقانداق جاۋاب كەلمىگەندىن كېيىن:
ــ ھەي ئەسكەرلىرىم! مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئۈچ رەھبىرىنى ئۆلتۈرۈپسىلەر، ـ دەپ مۇسۇلمانلارنى ئازارلاشقا ۋە كۆرەڭلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا چىداپ تۇرالمىغان ھەزرىتى ئۆمەر:
ــ ھەي اﷲ نىڭ دۈشمىنى! سەن يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن. ھېچقايسىمىز ئۆلمىدۇق، بىر كۈنى سېنىڭ كۆرگۈلۈڭنى كۆرسىتىۋېتىمىز! ـ دەپ ۋارقىرىدى. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ سۇفيان:
ــ بۈگۈن بەدرى جېڭىنىڭ ئۆچى بولسۇن! ئارىمىزدىكى ئۇرۇش توختاپ قالمايدۇ. ئەي ھۇبەل! تېخىمۇ ئۇلۇغ بول! ـ دەپ قۇرۇقتىن قۇرۇق تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇندى. بۇ ئىشقا قاتتىق غەزەبلەنگەن ھەزرىتى ئۆمەر:
ــ ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! اﷲ نىڭ بۇ دۈشمىنىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانسەن؟ ـ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ سەنمۇ: “اﷲ ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە ئۇلۇغدۇر” دېگىن! ـ دېدى. ئاندىن ئەبۇ سۇفيان:
ــ ئى ئۆمەر! بېرى كەلگىنە، ـ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
ــ بېرىپ باققىن! نېمە دەيدىكىن؟ ـ دېدى. ئۆمەر يېقىنلاپ بېرىۋېدى، ئەبۇسۇفيان:
ــ خۇدا ھەققىدە جاۋاب بەر! بىز مۇھەممەدنى ئۆلتۈرمىدۇقمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. ئۆمەر:
ــ اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ئۆلمىدى. ھازىرنىڭ ئۆزىدە سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ـ دېدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ راست گەپ قىلغانلىقىدىن گۇمانلانمىغان ئەبۇ سۇفيان ئاخىرىدا:
ــ ئەلۋەتتە! سەن ئىبنى قەمئەدىنمۇ راست گەپ قىلىسەن، ـ دەپ ئۆزىگە: « مەن مۇھەممەدنى ئۆلتۈردۈم» دېگەن كىشىنىڭ يالغان گەپ قىلغانلىقىغا ئىشەندى.
يەنە بىر جەڭ باشلاندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلغان بەنى مۇستەلىق قەبىلىسىنى جازالاش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى باشلاپ سەپەرگە چىقتى.
بۇ قەبىلىنىڭ ئايماقلىرى تېخى ئۇرۇش تەييارلىقىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا، مۇرەيسىغ دېگەن يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يېڭىپ، ھەممىسىنى دېگۈدەك ئەسىرگە ئالدى. ئۇلارنىڭ مال ـ چارۋا، بالا ـ چاقىلىرىنى بىر يەرگە توپلىدى. ئەمما مەدىنىگە قايتىش ئالدىدا، قوشۇن سېپى ئارىسىدىكى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بەنى غىفار قەبىلىسىگە مەنسۇپ مائاشلىق مەدىكارى جەھجەھ بىلەن ئەنسارلاردىن جۇھەينە قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولغان سىنان ئىسىملىك بىرىنىڭ ئارىسىدا سۇ تالىشىپ جېدەل چىقتى. سىنان ئەنسارلارنى، جەھجەھ بولسا مۇھاجىرلارنى ياردەمگە چاقىردى. مۇناپىقلارنىڭ باشچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي بۇ جېدەلدىن خەۋەر تاپتى. ئىبنى ئۇبەي ئۇ پەيتتە خەزرەجلىكلەردىن بىر توپ كىشى بىلەن ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ يېنىدا زەييىد ئىبنى ئەركام ئىسىملىك ياش بىر يىگىتمۇ بار ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي: « دېمەك، شۇنداق قىلىشتى ـ ھە! بىزنىڭ دىيارىمىزدا بىزگە قارشى بىر ـ بىرىنى قوللاپ، بىر ـ بىرىگە بولۇشۇۋاتىدۇ، ـ شۇنداقمۇ؟ اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، بىز بىلەن قۇرەيشلىك كەلگۈندىلەر ئارىسىدىكى ئەھۋال بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتمەسلىكى لازىم ئىدى. ئەپسۇس، ئادەم بالىسىنى باقساڭ، ئاغزى ـ بۇرنۇڭنى قان ئېتەر دېگەندەك ئىش بولدى ـ دە، بۇ. ئەمما مەدىنىگە بىر قايتايلى، كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى قانداق قوغلايدىغانلىقىنى شۇ چاغدا كۆرىدۇ!» دېدى. ئاندىن ئەتراپىغا توپلانغان قەبىلە كىشىلىرىگە قاراپ: « ماڭا قاراڭلار! بۇلارنى سىلەر ئۆزەڭلار مۇشۇنداق يامان ئۆگىتىپ قويدۇڭلار. ئۇلارنى ئېلىپ يۇرتۇڭلارغا ئورۇنلاشتۇردۇڭلار، مال ـ مۈلكۈڭلارنى بۆلۈشتۈڭلار. ئەگەر قولۇڭلارنى سەل چىڭ تۇتۇپ، بۇنچىۋالا سېخىيلىق قىلمىغان بولساڭلار، ئەلۋەتتە، ئۇلار بارىدىغان باشقا يەر تاپقان بولاتتى» دېدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەينىڭ كاللا قايمۇقتۇرۇپ، قۇتراتقۇلۇققا سەۋەب بولىدىغان بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ياش يىگىت (زەييىد ئىبنى ئەركام) دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە دېيىلگەن گەپ ـ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ھەزرىتى ئۆمەرمۇ بار ئىدى. ئۇ بۇ گەپلەرگە شۇنداق غەزەپلەندىكى: «ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! ئابباد ئىبنى بۇشرەگە بۇيرۇق قىلغىن! دەرھال بېرىپ ئۇ مۇناپىقنى بىر تەرەپ قىلىۋەتسۇن!» دېدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: «بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ئى ئۆمەر! ئەتە خەلق قوپۇپ: “مۇھەممەد ئۆز يېقىنلىرىنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ” دېمەمدۇ؟ ياق! ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ. تۇر، قوشۇننىڭ دەرھال قايتىشقا تەييارلىق قىلىشىنى جاكارلىغىن!» دېدى. خەزرەجلىكلەر ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەينى ئۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئەيىبلەپ، يول بويى تەنقىدلەپ ماڭدى.
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«ئى ئۆمەر! شۇلارنى كۆردۈڭمۇ؟ قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئۈندىگەندە ئۆلتۈرگۈزگەن بولسام، بەزىلەر قۇتراپ كېتەتتى. ئەگەر ھازىر ئۆلتۈرۈشكە ئۈندىسەڭ، ئۇلارنى ھېچ ئىككىلەنمەي تۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزىۋېتەتتىم» دەپ بۇ ئىشقا نەقەدەر توغرا قارار بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئۆمەر: «اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ پىكىر ۋە قارارلىرىنىڭ مېنىڭكىگە قارىغاندا نەقەدەر توغرا ۋە خەيىرلىك بولىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن كۆرۈپ يەتتىم» دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى.
بىر كۈنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئۆمەرنى 30 كىشىلىك قوشۇن بىلەن مەككىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇربا دېگەن يەرگە ئەۋەتتى.
بۇ يەر بىر ۋادىغا يېقىن جايلاشقان كىچىك بىر يەر بولۇپ، نامىمۇ بۇ ۋادىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلاتتى. بۇ يەردە ياشايدىغان ھەۋازىن قەبىلىسى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن توپلىنىپ، بەزىبىر تەييارلىقلارغا كىرىشكەنىدى. ھەزرىتى ئۆمەر قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنى ئېلىپ دەرھال يولغا چىقتى. ئۇلار كېچىسى يول مېڭىپ، كۈندۈزلىرى يوشۇرۇناتتى. ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر يولباشچىمۇ بار ئىدى. ئۇلار تۇرباغا بارغاندا، دۈشمەنلەر مال ـ چارۋىلىرىنى ئېلىپ، بۇ يەردىن يىراقلىشىپ بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەدىنىگە قاراپ قايتتى. يول ئۈستىدە يولباشچى ھەزرىتى ئۆمەرگە: «ئەگەر خالىساڭ، سېنى خۇسئۇم قەبىلىسى تەرەپكە باشلاپ باراي» دېدى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە ماڭا ھېچبىر تەلىمات بەرمىدى. ئۇ مېنى پەقەت ھەۋزان قەبىلىسىگىلا ئەۋەتتى» دەپ ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى رەت قىلدى.
مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەزىيەتنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، بىر توپ ساھابىلىرى بىلەن كەئبىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئەمما قۇرەيشلەر ھۇدەيبىيە دېگەن يەردە ئۇلارنى توسۇپ، مەككىگە كىرىشىگە يول قويمىدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇرۇش قىلغىلى كەلدى دەپ ئويلاشقانىدى. قۇرەيشلەر ئەگەر مەككىنىڭ بوسوغىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىدىغان بولسا، بۇ خەۋەرنى پۈتۈن ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ تۇيۇپ قېلىشىدىن ۋە شۇ سەۋەبلىك قۇرەيشلەرنىڭ ئۇ قەبىلىلەر ئۈستىدىكى ھەيۋىسىنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇشىدىن، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلىنىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە تەسىرات پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇدەيبىيەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈنلا كەلگەنلىكىنى قۇرەيشلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولدى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنى تاللىدى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر: « ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇلارنىڭ ماڭا بىر يامانلىق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئائىلەم بەنى ئەدىيدىن مېنى مەككىدە قوغدىغۇدەك بىرەر كىشىمۇ يوق. قۇرەيشلەر مېنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق قارشى چىققانلىقىمنى ۋە ئۇلارغا قانداق قوپال مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا مەن سىلەرگە بۇ ئىشقا مەندىنمۇ مۇۋاپىقراق بىرىنى كۆرسىتىپ قوياي. ئۇ ئوسمان ئىبنى ئەفۋاندۇر» دەپ ئۆزرىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمان ئىبنى ئەفۋاننى ئۇلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئارىدا بىرمۇنچە كۆرۈشۈش، سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن «ھۇدەيبىيە سۈلھىسى» تۈزۈلىدىغان بولۇپ كېلىشىشتى. سۈلھىنامىنىڭ شەرتلىرى يېزىلسىلا، ھەممە ئىش پۈتەتتى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئىشنى ئىچىگە پەقەتلا سىڭدۈرەلمىدى. بەلكىم، ئۇ بۇ سۈلھىنامىنىڭ كېيىنچە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان تەرەپلىرىنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەنىدى. شۇڭا ئۇ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە كۆز قارىشىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ئەسلىدە ھەقلىق بولغان تەرەپ بىز ئەمەسمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ئەلۋەتتە، شۇنداق! ـ دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر يەنە:
ــ ئۇنداقتا، بىزنىڭ شېھىتلىرىمىز جەننەتتە، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرى دوزاختا ئەمەسمۇ؟ ـ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ:
ــ شەك ـ شۈبھىسىز شۇنداق! ـ دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر بۇ قېتىم:
ــ شۇنداق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن دىنىمىزنى دۇنياغا تېگىشىمىز؟ ياكى اﷲ بۇ ئەھۋالغا ھۆكۈم چىقارماي تۇرۇپ قايتىپ كېتەمدۇق؟
ـ دەپ ئۆزىنىڭ قاتتىق ئاچچىقلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ بۇ روھىي ھالىتىنى بايقىغان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنى پەسكويغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە:
ــ ئى ئىبنى خەتتاب! ئۇ اﷲ نىڭ ئەلچىسىدۇر. اﷲ ئۇنى ئوتتۇرىلىقتا ئامال ـ چارىسىز تاشلاپ قويۇپ پەرىشان قىلمايدۇ، ـ دەپ نەسىھەت قىلدى. دەرۋەقە، كۆپ ئۆتمەي سۈرە فەتىھ چۈشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۈرىنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر خۇشاللىقىدىن:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! فەتىھمۇ؟ ـ دەپ تەكرار سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ھەئە، ـ دەپ خۇشخەۋەر بەردى.
ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ:”«ئۇ كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا قىلغان سۆزلىرىم ئۈچۈن شۇ قەدەر قورقتۇم ۋە پۇشايمان قىلدىمكى، گۇناھىمغا كەففارەت بولۇشى ئۈچۈن توختىماي سەدىقە بېرەتتىم، ناماز ئوقۇيتتىم، روزا تۇتاتتىم ۋە قۇل ئازاد قىلاتتىم.»
يەنە ھۇدەيبىيە كۈنى، رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىگە سۈلھىنامىنىڭ شەرتلىرىنى يازدۇرۇۋاتاتتى. قۇرەيشلەرنىڭ ۋەكىلى سۇھەيل ئىبنى ئامىر يېزىلغان شەرتلەرنى تەكشۈرۈۋاتتى. دەل شۇ پەيتتە، سۇھەيل ئىبنى ئامىرنىڭ ئوغلى ئەبۇ جەندەل دادىسى تەرىپىدىن باغلانغان زەنجىر ـ كىشەنلەر ئىچىدە سۈرۈلۈپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى. (بۇ يىگىت مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن دادىسى تەرىپىدىن مۇشۇنداق جازالاندۇرۇلغانىدى.)
ئەبۇ جەندەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ پاناھىغا سىغىنماقچى بولغانىدى. ئەمما ئۇنى كۆرگەن دادىسى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى ۋە بىر تەرەپتىن ئوغلىنى قاتتىق ئۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاراپ: « ئى مۇھەممەد! ھەممە ئىش كېلىشكىنىمىزدەك بولسۇن!» دەپ ۋارقىراپ، ئوغلىنى مۇسۇلمانلارغا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى سۈلھىنامىنىڭ بىر شەرتى مۇنداق ئىدى:
«ئەگەر قۇرەيشتىن بىر كىشى مۇسۇلمان بولۇپ، يېقىنلىرىنىڭ رازىلىقىسىز مەدىنە ھۆكۈمىتىگە سىغىنسا، ئۇ قۇرەيشلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.»
سۈلھىنامە تېخى يېزىلىپ بولمىغان بولسىمۇ، شەرتلەر ئاغزاكى شەكىلدە پىكىر بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ بولۇنغانىدى. شۇڭا سۇھەيل ئىبنى ئامىر مۇسۇلمانلارغا: «ئەبۇ جەندەل مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ رازىلىقىسىز مۇسۇلمانلاردىن پاناھلىق تىلىدى. شۇ سەۋەبتىن، سۈلھىنامە شەرتلىرىگە ئاساسەن مۇسۇلمانلار ئۇنى بىزگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك» دېمەكچى بولۇۋاتاتتى.
ئەمما ئەبۇ جەندەل بەكمۇ ئېچىنىشلىق ھالەتتە بولۇپ، ئاۋازىنىڭ بارىچە: «مېنى مۇسۇلمانلىقتىن ياندۇرسۇن دەپ بۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتامسىلەر؟» دەپ ۋارقىراپ، مۇسۇلمانلاردىن ياردەم تىلەيتتى. مۇسۇلمانلار بۇ مەنزىرىگە قاراپ غۇلغۇلا قىلىشتى. تۇيۇقسىز بىرەر ئىش يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ئۇلۇغ بىر دۆلەت رەھبىرىگە خاس تەمكىنلىكى بىلەن: «ئەي ئەبۇ جەندەل! چىشىڭنى چىشلەپ، اﷲ يولىدا پىداكارلىق كۆرسەت. اﷲ تائالا پات ئارىدا ساڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئېزىلگەن كىشىلەرگە بىر چىقىش يولى بېرىپ، سىلەرنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ ـ ئەلۋەتتە! بىزگە كەلسەك، بىز بۇلار بىلەن سۈلھىنامە تۈزدۇق. بىز بۇ شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇلارغا قارشى چىقساق بولمايدۇ» دەپ ئۇنى قايىل قىلماقچى ۋە پەسكويغا چۈشۈرۈشمەكچى بولدى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئىشقا پەقەت چىداپ تۇرالمىدى ۋە ئەبۇ جەندەلنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى تىنچلاندۇرغاندەك قىياپەتتە تۇرۇپ، باشقىلارغا چاندۇرماي قىلىچىنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرۇپ، دادىسىغا قارشى چىقىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە تىرىشتى.
ئۇ ناھايىتى سۈنئىي بىر ئىپادە بىلەن: «ئى ئەبۇ جەندەل! سەۋر قىلغىن! بۇ ئادەملەر مۇشرىك (مەينەت) ئىنسانلاردۇر. ئۇلارنىڭ قېنى ئىتنىڭ قېنىدىن پەرقلەنمەيدۇ» دەپ كۆرۈنۈشتە ئۇنى پەسكويغا چۈشۈرمەكچى بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا باشقا بىر ئىش قىلدۇرماقچى بولۇۋاتاتتى. لېكىن، ئەبۇجەندەل ئۇنچە بىئاراملىقتا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئەسلى مەقسىدىنى چۈشەنمىدى ياكى دادىسىنى ئۆلتۈرۈشكە قولى بارمىغانىدى. نىھايەت، سۈلھى ئىمزالاندى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ئۇ يەردىكىلەر بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭغا شاھىد بولدى.
لېكىن، قۇرەيشلەر بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى. چۈنكى، ئۇلار ئىتتىپاقداشلىرى بولغان بەنى بەكىر قەبىلىسى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان بەنى خۇزەئە ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا ئۆز ئىتتىپاقدىشىغا ياردەملەشتى. شۇنىڭ بىلەن بەنى خۇزەئە قەبىلىسىنىڭ ۋەكىلى بۇدەيل ئىبنى ۋەرەقە مەدىنەگە بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈپ قۇرەيشلەرنىڭ ئۆزلىرىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇنىڭدىن قۇرەيشلەرگە قارشى ياردەم تەلەپ قىلدى. قۇرەيشلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزلىرى خىلاپلىق قىلغان سۈلھىنامىنى يېڭىلاش مەقسىتىدە ئەبۇ سۇفياننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى.
ئەبۇ سۇفيان قۇرەيشلەرنىڭ سۈلھىنامىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، (مۇمكىن بولسا) سۈلھىنامىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتماقچى ئىدى. ئەنە شۇ مەقسەت بىلەن مەدىنىگە يېتىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى (ئەبۇسۇفياننىڭ قىزى) راملە (ئۇممۇ ھەبىبە) نىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كىردى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس سېلىنچىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرماقچى بولۇۋېدى، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ھەبىبە دەرھال سېلىنچىنى قاتلاپ ئېلىۋەتتى. دادىسى ئەبۇ سۇفيان ئۇنىڭغا:
ــ قىزىم! مېنى سېلىنچىغا لايىق كۆرمىدىڭمۇ ياكى سېلىنچىنى ماڭا لايىق كۆرمىدىڭمۇ؟ ـ دېدى. ئۇممۇ ھەبىبە دادىسىغا:
ــ ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سېلىنچىسى. سەن بولساڭ، مۇشرىك ۋە ناپاك بىرىسەن. رەسۇلۇللاھنىڭ سېلىنچىسىدا ئولتۇرۇشىڭغا كۆڭلۇم ئۇنىمىدى، ـ دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ سۇفيان:
ــ ۋاھ قىزىم! مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بەكمۇ ئەسكى بولۇپ كېتىپسەن، ـ دېيىشتىن باشقا بىر نەرسە قىلالمىدى. ئاندىن ئۆيدىن چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن باشقا بىر يەردە كۆرۈشۈپ، كېلىش مەقسىدىنى بىلدۈرمەكچى بولدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. ئاندىن ئۇ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئارىدا ۋەسىلە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى: «مەن ئۇنداق قىلالمايمەن» دەپ رەت قىلدى. ئاندىن كېيىن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا باردى. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ: «سىلەر ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر نەرسە ئىلتىماس قىلىمەن، شۇنداقمۇ؟» دەپ قوغلىۋەتتى. ئەبۇ سۇفيان ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ يەردە ھەزرىتى فاتىمە ۋە ھەزرىتى ھەسەنمۇ (ئۇ تېخى كىچىك ئىدى) بار ئىدى. ھەزرىتى ھەسەن ئەتراپتا تەمتىلەپ يۈرەتتى. ئەبۇ سۇفيان ھەزرىتى ئەلىگە مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: «ئى ئەلى! سەن بۇ خەلق ئىچىدە ماڭا ئەڭ يېقىن بىرىسەن. بىر ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئالدىڭغا كەلدىم. قۇرۇق قول قايتىشنى خالىمايمەن. رەسۇلۇللاھ بىلەن ئارىمىزغا بىر ۋەسىلە بولغان بولساڭ.» ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭغا: «ھەي ئەبۇ سۇفيان! سەن نېمە دەپ يۈرىسەن؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پوزىتسىيىسى شۇنداق قەتئىيكى، ئۇنىڭغا بۇ توغرىلىق ھەزگىز ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ» دەپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى جىددى قىياپەتتە رەت قىلدى. ئەبۇ سۇفيان بۇ قېتىم ھەزرىتى فاتىمەگە بۇرۇلۇپ: « ئۇ مۇھەممەدنىڭ قىزى! ئەڭ بولمىسا، شۇ بالاڭغا دېگىنكى، ئۇ مېنىڭ ھىمايە قىلىش تەلىۋىمنى قوبۇل قىلسۇن! بەلكىم ئۇنىڭ يۈز خاتىرىسى قىلىپ بولسىمۇ تەلىۋىمنى قوبۇل كۆرسە، ئوغلۇڭ بۇ سەۋەب بىلەن قازانغان شان ـ شۆھرىتى سايىسىدە تاكى قىيامەت قايىم بولغىچە ئەرەبلەرنىڭ كاتتىسى بولۇپ ياد ئېتىلىدۇ» دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. ھەزرىتى فاتىمە: «ئوغلۇم سېنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالغانلىقىنى چىقىپ خەلققە ئېلان قىلغۇدەك ياشتا بولمىسا، بۇ ئىشنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، رەسۇلۇللاھ قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان كىشىنى ھېچكىم ھىمايە قىلالمايدۇ» دەپ ئۇنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى.
نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ئەبۇسۇفيان يەنە بىر قېتىم ھەزرىتى ئەلىدىن مەسلىھەت سوراپ: « ئى ئەبۇ ھەسەن! مېنىڭ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەنغۇ؟ ماڭا بىر يول كۆرسەتكىن!» دېدى. ھەزرىتى ئەلىمۇ: «قەسەم قىلىمەنكى، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. ساڭا پايدىلىق بىرەر چارىمۇ بىلمەيمەن. ئەمما سەن يەنىلا كەنانە قەبىلىسىنىڭ چوڭىسەن. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئەتراپنى ئايلان ۋە دەردىڭنى خەلققە ئاڭلات! بەلكىم ئۇلار ئىلتىماس قىلىپ قالسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالار. ئاندىن يۇرتۇڭغا قايتىپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىل!» دەپ ئۇنى قوغلاشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئەبۇسۇفيان نائۈمىد مەككىگە قايتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلار دەرھال يىغىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوماندانلىقىدا ناھايىتى چوڭ قوشۇن تەشكىللەپ، مەككىنى فەتىھ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندى. قوشۇن مەككىگە يېقىن بىر يەرگە قارارگاھ قۇردى. ھەزرىتى ئابباسمۇ مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، ئۇمۇ قوشۇننىڭ ئىچىدە ئىدى. ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىگە ئۇرۇش قىلغان ھالدا كىرىشكە (يەنى قان تۆكۈلۈشىگە) قوشۇلمايتتى. ئۇ ئىچىدە مەككىگە كىرىپ قۇرەيش چوڭلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىخەتەرلىك تەلەپ قىلىشقا قايىل قىلىشنى ئويلاپ تۇراتتى. دەل شۇ چاغدا، ئەبۇسۇفياننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ، قارارگاھقا ئېلىپ ماڭدى.
ئەبۇسۇفيان يول بويى مۇجاھىدلار ياققان ھەربىر گۈلخاننىڭ يېنىدىن ئۆتكىچە، ئۇ گۈلخاننى كىمنىڭ ياققانلىقىنى سوراپ ماڭدى. شۇ تەرىقىدە كېتىۋېتىپ ھەزرىتى ئۆمەر ياققان گۈلخاننىڭ يېنىغا كەلگەندە، ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى كۆرۈپ شۇ يەردىلا ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ھەزرىتى ئابباس قېچىرنى دېۋىتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قارارگاھىغا قاراپ تېز ـ تېز يۈرۈپ كەتتى ۋە ئاخىرى يېتىپ باردى. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىپ كەلگەنىدى. ئۇ غەزەپ بىلەن: «ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! بۇ ئەبۇسۇفيان ھېچكىمدىن رۇخسەت ياكى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ بۇ يەرگىچە كەلدى. ئۆتۈنۈپ قالاي! ماڭا رۇخسەت قىلغىن، ھازىرلا ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالاي!» دېدى. ھەزرىتى ئابباس رەسۇلۇللاھقا: «ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! ئۇنى مەن ئۆز كېپىللىقىمغا ئالدىم» دەپ ئارىغا كىردى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى ئۆلتۈرۈشتە چىڭ تۇرىۋەرگەنىدى، ھەزرىتى ئابباس ئاچچىقلىنىپ: «ئى ئۆمەر! سەل ئۆپكەڭنى بېسىۋالغىن! ئەگەر ئۇ سەن مەنسۇپ بولغان بەنى ئادىي قەبىلىسىدىن بولغان بولسا، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرىمەن دېمەيتتىڭ. ئەمما بىلىسەن، ئۇ بەنى ئابدۇمەنناف قەبىلىسىگە مەنسۇپ» دېدى.
ھەزرىتى ئۆمەرمۇ: «سەنمۇ ئۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتمە، ئى ئابباس! اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر دادام خەتتاب مۇسۇلمان بولغان بولسا، مەن سېنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىڭغا سۆيۈنگەندەك سۆيۈنمىگەن بولاتتىم. چۈنكى، سېنىڭ مۇسۇلمان بولۇشۇڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ دادامنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن بەكرەك سۆيۈندى» دەپ ئەبۇسۇفياننى ئاياغ ئاستىغا ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن بەكمۇ ئۆكۈندى.
ئىسلام قوشۇنى مەككىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. ئەنسارلارنىڭ تۇغى سەئد ئىبنى ئۇبادەنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇ: «مانا بۈگۈن جەڭ كۈنى، يىگىتلىك، مەرتلىك كۈنى. مەككىدە ھارام قىلىنغان ئىش بۈگۈن ھالالدۇر!» دەپ جار سېلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئۆمەر بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! سەئد نېمىلەرنى دەپ جۆيلىۋاتىدۇ؟ ئۇ قۇرەيشلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ مۇقەددەس زېمىندا قان تۆكۈپ قويۇشى مۇمكىن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەلىگە: «تېز مېڭىپ ئۇنىڭغا يېتىش ۋە قولىدىن تۇغنى ئال! شەھەرگە قوشۇندىن بۇرۇن سەن كىرگىن!» دەپ تەلىمات بەردى.
نىھايەت ئىسلام قوشۇنى مەككىگە كىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرەيشلەرنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارنى كەچۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھەممىڭلارنى ئۆز ئىختىيارىڭلارغا قويۇپ بەردۇق» دېدى. ئاندىن ئاۋۋال ئەرلەردىن، ئۇندىن كېيىن ئاياللاردىن بەيئەت ئالدى ۋە ئاياللاردىن اﷲ قا شېرىك كەلتۈمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا ئۆتكۈزمەسلىككە، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، ياتلاردىن ھامىلە بولۇپ ئۆز ئەرلىرىگە زورلاپ تاڭماسلىققا ۋە اﷲ نىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلماسلىققا دائىر ۋەدە ئالدى. بۇ ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئەبۇ سۇفياننىڭ ئايالى ھىنت بىنتى ئۇتبەمۇ بار بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تاكاللاشماقچى بولدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈشكە باشلىدى. ھىنتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىنى فەتىھ قىلىشىغا قاتتىق ئېچىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بۇ روھىي ھالەتتىن ئاسانلىقچە قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى سەزگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا خاپا بولۇپ كەتمىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە تاكاللىشىپ ئولتۇرماي، ھەزرىتى ئۆمەرگە قاراپ: «سەن مېنىڭ نامىمدا ئۇلاردىن بەيئەت ئالغىن!» دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ سۇفيانغا مۇسۇلمان بولۇشىنى ئېيتتى. ئەبۇسۇفيان تىلىنى چايناپ، كېكەچلىگەن ھالدا: «ئۇنداقتا، ئۇززانى قانداق قىلىمەن؟» دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئۆمەر دەرھال: « بېرىپ ئۇستىگە تەرەت قىل!» دەپ جاۋاب بەردى.
مەككىنىڭ فەتھى بولۇپ كۆپ ئۆتمەي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەۋازىن، بەنى ساقىف ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ھۇنەينگە قاراپ ھەرىكەتلەندى. ئۇلارمۇ (ئۆز قىياسلىرىغا ئاساسەن) مۇسۇلمانلار تېخىچە كۈچلىنىپ كەتمىگەن ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ۋەيران قىلىۋېتىش نىيىتىدە بىر يەرگە يىغىلىپ تەشكىللەنگەنىدى. دەرۋەقە، ھەۋازىن قەبىلىسى ئىسلام قوشۇنىنىڭ قارارگاھىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە مۆكۈنىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنى قىلتاققا دەسسەتتى ۋە ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە (ئۆزلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە ئالدانغان) مۇسۇلمانلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ساننىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. مۇسۇلمانلار سېپى بۇزۇلۇپ، تەرەپ ـ تەرەپكە قېچىش باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇرۇش مەيدانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان بىر توپ ساھابە دۈشمەنلەرگە قارشى قاتتىق تىركەشتى.
بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەلى، ھەزرىتى ئابباس ۋە ئوغلى فازىل، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغۇللىرى ئەبۇسۇفيان ئىبنى ئەل ھارىس بىلەن رابىئە ئىبنى ئەل ھارىس قاتارلىقلار بار ئىدى.
فەتھۇلبارى ناملىق ئەسەردە مۇنداق دېيىلگەن:
«ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ سۇلايمان ئىبنى بىلالدىن، ئۇ يەھيادىن، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇنەيندىن نەقىل قىلغان بىر رىۋايەتتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ: “ھەزرىتى ئۆمەردىن بىر ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىنى سوراش ئۈچۈن نەق بىر يىل ساقلىدىم. ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، سوئال سوراشقا پېتىنالمايتتىم. ئۇ بىر كۈنى ھەجگە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدىم. قايتىش يولىدا، ئۇ تەرەت قىلىش ئۈچۈن بىزدىن ئايرىلىپ شىۋاقلىقلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ قايتىپ كەلگىچە ساقلاپ تۇردۇم ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ: “ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئايەتتە تەسۋىرلەنگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىنى قويمىغان ئىككى ئايال كىملەر؟” دەپ سورىدىم. ئۇ: “ئۇلار ھەفسە بىلەن ئائىشە ئىككىسى” دېدى. ئاندىن مەن: “قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇ سوئالنى بىر يىلدىن بېرى سورىماقچى ئىدىم. لېكىن ھەيۋىتىڭدىن قورقۇپ سوراشقا پېتىنالمىدىم” دېدىم. بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئۆمەر: “ئۇنداق ئەمەستۇ؟ ئەگەر سورىماقچى بولغان بىرەر مەسىلە بولسا، تارتىنماي سوراۋەرگىن! مەن بىلسەملا، ساڭا جاۋاب بېرىمەن” دېدى.»
ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ:”«قەسەم قىلىمەنكى، جاھىلىيەت دەۋرىدە ئاياللارنى پەقەتلا كۆزگە ئىلمايتتۇق. اﷲ تائالا ئۇلار ھەققىدە بىرمۇنچە ئايەت چۈشۈردى ۋە ئۇلارغا بىر قاتار ھەق ـ ھوقۇق بەردى. شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۆيدە پۇل ـ مالنى ئۆز مەيلىمچە ئىشلەتسەم، ئايالىم ماڭا:
ــ ئى ئۆمەر! مۇنداق ـ مۇنداق قىلساڭ، تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟ ـ دەپ ئېتىراز بىلدۈردى. مەن ئۇنىڭغا:
ــ سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ بۇ ئىش مېنىڭ دېگىنىمدەك بولسا نېمە بوپتۇ؟ مېنىڭ ئىشىمغا سەن نېمە دەپ ئارىلىشىسەن؟ ـ دەپ قوپاللىق قىلدىم. ئايالىم بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ:
ــ توۋۋا… ئى ئىبنى خەتتاب! ساڭا ئېتىراز قىلىشىمنى خالىمامسەن ـ يا؟ ھالبۇكى، قىزىم (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسە) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شۇنداق ئېتىراز بىلدۈرىدىكى، شۇ سەۋەبلىك بەزى كۈنلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەچكىچە بىئارام بولۇپ يۈرىدىكەن، ـ دەپ جاۋاب بەردى.»
دەرۋەقە، شۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەنىدى. (ئەينى ۋاقىتتا) ھەزرىتى ئۆمەر ئايالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دەرھال يەكتىكىنى بوينىغا ئارتقان پېتى سىرتقا ماڭدى ۋە قىزى ھەفسەنىڭ ئۆيىگە كىرىپ:
ــ قىزىم! رەسۇلۇللاھقا شۇنداق ئېتىرازلارنى بىلدۈرۈپسەنكى، بەزىدە ساڭا ئاچچىقلاپ، كۈن بويى بىئارام بولىدىكەن، ـ دېدى. ھەفزە دادىسىغا:
ــ شۇنداق، بىز ئۇنىڭ ئاياللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېتىرازىمىزنى بىلدۈرىمىز، ـ دېدى.
ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ:”«ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ: “ماڭا قارا قىزىم! سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، اﷲ ۋە رەسۇلىنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ كېتىسەن. يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىگە بەكمۇ ئىشىنىدىغان شۇ ئائىشەنى ھەرگىز دورىمىغىن!” دېدىم. ئاندىن ئۇ يەردىن چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر ئايالى ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ھۇجرىسىغا كىردىم. ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىمىز بار ئىدى. ھەفزەگە دېگەن گەپلەرنى ئۇنىڭغىمۇ ئەينەن دېۋىدىم، ئۇ ماڭا: “ئى ئىبنى خەتتاب!
سېنىڭ بۇ قىلىقىڭغا بەكمۇ ھەيران قېلىۋاتىمەن. ھەممە ئىشقا بېشىڭنى سوقۇپ باقىسەن. مانا ئەمدى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئارىسىغا كىرمەكچى بولۇۋاتىسەن» دەپ مېنىڭ دەككەمنى بەردى. ئەمما مەن كۆڭلۈمدە بۇ ئىشلارغا بەكمۇ نارازى ئىدىم. ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيىدىنمۇ يېنىپ چىقتىم.
مېنىڭ ئەنسارلىق بىر دوستۇم بار ئىدى. مەن يوق چاغلاردا ئۇ ئاڭلىغان ـ بىلگەنلىرىنى ماڭا دەپ بېرەتتى. ئۇ يوق چاغلاردىكى ئىشلاردىن مەن ئۇنى خەۋەردار قىلىپ تۇراتتىم. بىر كۈنلىرى غەسسان پادىشاھىنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىلىق بىر خەۋەر يېتىپ كەلدى. بىز ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە باستۇرۇپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرەتتۇق. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەنسارلىق دوستۇم كېلىپ، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئەنسىز قاقتى ۋە توختىماي: “ئىشىكنى ئاچ! ئىشىكنى ئاچ!” دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى. مەن ئىشىكنى ئېچىپ:
ــ غەسسان ئۈستىمىزگە باستۇرۇپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟ ـ دېدىم. ئۇ:
ــ ئۇندىنمۇ بەكرەك چاتاق ئىش يۈز بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن ئايرىم تۇرۇشقا قارار بېرىپتۇ، ـ دېدى. مەن:
ــ خوپ بوپتۇ! ھەفسە بىلەن ئائىشە قىلغان ـ ئەتكىنىگە تويىدىغان بولدى، ـ دېدىم. ئاندىن كېيىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم. قارىسام ئالدىراش ـ تېنەش بالىخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. ئىشىك ئالدىدا تۇرغان زەڭگى يىگىتكە: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆمەر كەلدى دەپ خەۋەر قىلغىن!» دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن كىردىم ۋە ئوتتۇرىلىقتا بولۇنغان گەپ ـ سۆزلەرنى يەتكۈزدۈم. مەن ئۇنىڭغا ئۇممۇ سەلەمەنىڭ گەپلىرىنى دەپ بېرىۋېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاستىدا بىر پارچە يالىڭاچ بورا (بورىنىڭ ئۈستىدە ھېچنېمە يوق)، باش تەرىپىدە خورما تالالىرى بىلەن تولدۇرۇلغان بىر تېرە ياستۇق، ئاياق تەرىپىدە دېۋىرقاي بىلەن ئاشلانغان بىر پارچە تېرە تۇراتتى. باش تەرىپىدىكى تامغا بىر نەچچە پارچە ئاشلانمىغان تېرە ئېسىلغانىدى. قارىسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىدە بورا پېتىپ كەتكەن ئىز تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا قاراپ كۆزلىرىم ياشاڭغىراشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا:
ــ نېمىگە يىغلايسەن، ئى ئۆمەر!؟ ـ دېدى. مەن:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ئىران ۋە بىزانس ئىمپېراتورلۇقلىرى ياشىغان دەبدەبىلىك ۋە ھەشىمەتلىك ئۇ ھايات يادىمغا كېلىپ قالدى. سەن اﷲ نىڭ ئەلچىسى تۇرۇپ مۇشۇنداق ئاددىي ـ ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىسەن. يىغلىشىمنىڭ سەۋەبى بۇ، ـ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ سەن ۋاقىتلىق دۇنيا ھاياتى ئۇلارنىڭ، مەڭگۈلۈك ئاخىرەت ھاياتىنىڭ بىزنىڭ بولۇشىنى خالىمامسەن؟ ـ دەپ ماڭا تەسەللىي بەردى.
ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن تاغىسى زەييىد ئىبنى ئامىرنىڭ قىزى ئاتىكەگە ئۆيلەندى. ئاتىكە ئۆمەردىن ئەيياد ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغدى. ئاندىن ئۇ، بەنى مەھزۇم ئائىلىسىدىن ھارىس ئىبنى ھىشامنىڭ قىزى ئۇممۇ ھاكىمغا ئۆيلەندى. بۇ ئايال ئۆمەردىن بۇرۇن ئەبۇجەھىلنىڭ ئوغلى ئىكرىمەگە ياتلىق بولغانىدى. ئۇممۇ ھاكىم ھەزرىتى ئۆمەردىن فاتىمە ئىسىملىك بىر قىز تۇغدى. ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئۆمەر جەمىلە بىنتى سابىتقا ئۆيلەنگەن، ئۇ ئايال ئاسىم ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغدى. ئاسىم (ئەمەۋىيلەرنىڭ ئادىللىقى بىلەن جاھانغا مەشھۇر بولغان خەلىپىسى) ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئانا تەرەپ بوۋىسى ئىدى. ئاسىم ھىجرەتنىڭ ئالتىنچى يىلى تۇغۇلۇپ، يەتمىشىنچى يىلى رەبزەدە ۋاپات بولدى.
ھەزرىتى ئۆمەر كېيىنچە ھەزرىتى ئەلىنىڭ قىزى ئۇممۇ گۈلسۈمگە ئۆيلەندى.
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر كېيىنچە ھەزرىتى ئەلىنىڭ قىزى ئۇممۇ گۈلسۈمگە ئۆيلەندى.”ئۇممۇ گۈلسۈم ئۆمەردىن زەينەپ، ئابدۇرراھمان ئەل ئەۋساد، رۇقىيە ۋە ئابدۇرراھمان ئەل ئەسغەرنى تۇغدى.
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدە كۆزىگە ياش ئالغانلىقى ھېچ كۆرۈلمىگەنىدى. ئەمما ئۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بەكمۇ كۆڭلى يۇمشاق، ھېسسىياتچان ۋە كۆزلىرى ھەمىشە ياشاڭغىراپ تۇرىدىغان بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. گۇناھكارلارنى قورقۇتىدىغان ۋە تەھدىت قىلىدىغان بىرەر ئايەت ئوقۇسا ياكى ئاڭلىسىلا، كۆزلىرىگە لىق ياش كېلەتتى. بولۇپمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دۇنيانىڭ راھەت ـ پاراغىتىدىن يىراق، ناھايىتى ئاددى ـ ساددا تۇرمۇش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىلا قاتتىق تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتەتتى. ئۇ شۇنداق دەرغەزەپ بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، اﷲ تائالانىڭ قۇدرىتى ئۇنىڭ سەمىگە سېلىنىسا ياكى قۇرئاندىن بىر ئايەت ئوقۇپ بېرىلسە، ئۆزىنى تۇتالماي بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلايتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىچىملىك ئىچەتتى. ئەمما ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھەمىشە بىر ۋەھيى كېلىپ ئىچىملىكنىڭ پۈتۈنلەي چەكلىنىشىنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدى ۋە بۇ پىكرىنى دائىم باشقىلارغا سۆزلەپ بېرەتتى. بىر كۈنى اﷲ تائالا: (ئى مۇئمىنلەر! سىلەر مەس بولساڭلار، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار( دېگەن ئايەتنى چۈشۈردى، ئەمما ئۇ بۇ ئايەتكە بەك رازى بولمىدى. چۈنكى، ئىچىملىكنىڭ پۈتۈنلەي چەكلىنىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ھەردائىم اﷲ قا يالۋۇرۇپ، ئىچىملىك توغرىسىدا تېخىمۇ كەسكىن بىر ئەمىرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى. نىھايەت، اﷲ تائالا: (ئى مۇئمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنىڭ نامازدىن ۋە اﷲ نى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟( دېگەن ئايەتنى چۈشۈردى. ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئايەتنى كۆرۈپ كۆڭلى رازى، ئۆزى خاتىرجەم بولدى.
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئاياللارنىڭ پۈركىنىشى ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۇ ئاياللارنىڭ بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ پۈركىنىشى ئۈچۈن ئىلاھىي ئەمر كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتەتتى. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئېنىق بىلدۈردى. بۇ توغرىلىق ئايەت چۈشۈۋېدى، يەنە شۇنداق سۆيۈنۈپ كەتتى.
مۇناپىقلارنىڭ باشچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئۆلگەندە، ئۇنىڭ ئوغلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دادىسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۇپ بېرىشىنى ئۆتۈندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى. بۇنى كۆرگەن ھەزرىتى ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۇپلا قالماي، (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن) خېلى كۆپ مۇنازىرىلەشتى. بۇ مۇناپىقنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، اﷲ تائالا بۇ ھەقتە ئايەت نازىل قىلىپ، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ پىكرىنى قوللىدى. اﷲ تائالا مۇنداق دېگەنىدى: ((ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، (دەپنە قىلىش، زىيارەت ياكى دۇئا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى.(
ھەزرىتى ئۆمەر بۇندىن باشقا بىرمۇنچە مەسىلىلەر ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن مۇنازىرىلەشكەنىدى.
مەسىلەن، خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ قوشۇننىڭ باش قوماندانلىقىدىن ۋە خالىد ئىبنى سەئد ئىبنى ئەل ئاسنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان قوماندانلىق ئورنىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى توغرىسىدا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن كۆپ مۇنازىرىلەشتى ۋە خەلىپىلىككە سايلىنىپلا، خالىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىر ئىبنى ئەل جەرراھنى تەيىنلىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان فەتىھلەر
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان فەتىھلەر”كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇكى، تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى قوماندانلىق مەركىزى مۇرتەدلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى قارارلاشتۇرغانىدى. ئۇرۇش پىلانى ئاۋۋال پۈتۈن كۈچنى توپلاپ ئىككى دۆلەتتىن بىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش ۋە يەنە بىر دۆلەتكە قارشى پەقەت مۇداپىئەلىنىپ تۇرۇش دەپ بەلگىلەندى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى دۆلەتكە قارشى ھەرىكەت پىلانى ھەر ئېھتىمالغا قارشى بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىش ئاساسىدا تۈزۈلگەنىدى. شۇنداق بولغاندا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوخشاش بىر ھەربىي كۈچنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ پاتىپاراق بولاتتى ۋە پەرىشان ئەھۋالغا چۈشۈپ بىر ـ بىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قالاتتى. چۈنكى، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ھەر ئىككى دۆلەتكە قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئىككى دۆلەت بىر ـ بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا پۇرسەت تاپالمايتتى. چۈنكى، ھەر ئىككىلىسى ئۆز جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كېتەتتى.
مۇرتەدلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت پارسلار ئىدى. مۇرتەدلەرنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن پارسلار قوللاپ، مۇسۇلمانلارنى تېخى كۈچلىنىپ كەتمىگەن ۋاقىتتىلا بېسىقتۇرىۋېتىشكە ئۇرۇنغانىدى. ئۇندىن باشقا، پەيغەمبەرلىك دەۋاسىنى كۆتۈرۈپ چىققان ھەر بىر كاززاپقىمۇ ياردەم قىلاتتى. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئىشنى پارسلاردىن باشلىماقچى بولدى ۋە مەدىنە ھۆكۈمىتى ئەل مۇسەننا ئىبنى ھارىسە ئەش شەيبانىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ تەستىقلىدى. شۇنىڭ بىلەن، خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇشتىن يانغان ھامان (ئىسلام دۆلىتىنىڭ) مەدىنىدىكى قوماندانلىق مەركىزى ئۇنىڭ مۇسەننا ئىبنى ھارىسە قوماندانلىقىدىكى قوشۇنغا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن دەرھال ئىراققا يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوماندانلاردىن ئەيياد ئىبنى غەنەمگە ئىراقنىڭ شىمالىغا يۈرۈش قىلىش ئەمر قىلىندى.
خالىد ئىبنى ۋەلىد قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پارسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىراق تۇپراقلىرى ئىچىدە ئەركىن ـ ئازادە ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ قوشۇنى سەۋاد رايونى بىلەن جەزىرە (ھازىرقى ئىسمى جىزرە) ئەتراپى ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرىغا ھاكىم بولغانىدى. بۇنى كۆرگەن پارسلار ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئۇرۇش قىلىش قابىلىيىتى ۋە تەشكىللىنىش كۈچىنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغاننىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، پارسلارمۇ مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇم باشلاش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەييارلىق قىلىپ، ناھايىتى چوڭ قوشۇن تەشكىللىدى. بۇ ۋاقىتلاردا ئىسلام قوشۇنى تېخى بىزانسلارغا قارشى مۇداپىئە ئۇرۇشى ئىچىدە ئىدى.
خالىد ئىبنى سەئد ئىبنى ئەل ئاس ئۆز قول ئاستىدىكى قوشۇن بىلەن بىزانسلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداش قەبىلىلىرى ھاكىم بولغان يەرلەرگە يېقىن چېگرالاردا بىخەتەرلىكنى ساقلاۋاتاتتى.
بۇرۇن ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى قوشۇن تەشكىللەپ سۈرىيەگە ئەۋەتكەنىدى ۋە بىزانسلارمۇ ئۇلارغا قارشى قوشۇن تەشكىللەشكە باشلىغانىدى. چۈنكى، ئۇلار ئومۇمىي ۋە ناھايىتى چوڭ بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئويلاشقانىدى. بۇ ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام قوشۇنىغا قارشى ناھايىتى چوڭ قوشۇن ئەۋەتتى. ئۇندىن باشقا، ئىمپېراتور ھېراكلىيۇس ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن پادىشاھلىق سارىيى ۋە باش قوماندانلىق مەركىزىنى (ھازىرقى سۈرىيەنىڭ) ھىمس شەھىرىگە يۆتكەپ كەلدى. ئىسلام قوشۇنى بۇ خەتەرلىك ئەھۋالنى بايقاش ھامان مەدىنىگە خەۋەر يوللاپ، ياردەمچى قوشۇن تەلەپ قىلدى.
ئىسلام قوشۇنى باش قوماندانلىق مەركىزى ئاساسىي كۈچىنى ئىراقتىن سۈرىيەگە يۆتكىمەكچى بولدى، چۈنكى، پارسلار تۇنجى زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن بەكمۇ ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆز ئىچىدە تەخت تالىشىش كۈرىشىگە كىرىشىپ كەتكەن پارسلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋېلىشى ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى. شۇڭا، خەلىپە خالىد ئىبنى ۋەلىدكە سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوشۇنغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن نەجىدتىكى قوشۇنىنى باشلاپ دەرھال يولغا چىقىش ئەمرىنى بەردى.
خەلىپىنىڭ ئەمرىنى تاپشۇرۇۋالغان خالىد ئىبنى ۋەلىد دەرھال سۈرىيەگە قاراپ يولغا چىقتى. يەرمۇك دېگەن يەردە بىزانس قوشۇنى بىلەن ئىسلام قوشۇنى ئارىسىدا بىر مەيدان شىددەتلىك جەڭ ئېلىپ بېرىلدى. بۇ بىر ھايات ـ ماماتلىق جېڭى ئىدى. دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەزرىتى ئۆمەر خەلىپىلىككە تەيىنلەندى. ئەپسۇسلىنارلىقى، پارسلار بۇ ۋاقىتقىچە ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ، تەخت تالىشىش ئىختىلاپلىرىنىمۇ ئاياغلاشتۇرۇپ بولغانىدى. ئۇلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان مەدىنە ھۆكۈمىتى ھاشىم ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇل ئاسنىڭ قوشۇننىڭ بىر قىسمىنى سۈرىيەدىن ئىراققا قايتۇرۇپ كېلىشىنى بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراقتىكى مۇسۇلمان جەڭچىلەرگە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىش مەقسىتىدە، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ئېلانى چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن، ئىراقتىكى قوشۇنغا كەينى ـ كەينىدىن ياردەمچى قوشۇن كېلىشكە باشلىدى. سۈرىيەدە بولسا، ئارقا ـ ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە بىزانسلارنىڭ بۇ زېمىندىكى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، بىزانسلىقلار قوغلاپ چىقىرىلدى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەنىدى. ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن پارس قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇش دەسلەپ ئىراق زېمىنىدا باشلانغان بولسا، كېيىن ئاستا ـ ئاستا پارسلارنىڭ ئىچكى تۇپراقلىرىغىچە يېيىلىپ، ئەڭ ئاخىرى پارس ئىمپېراتورلۇقىنىڭ چۆكۈشى بىلەن ئاياغلاشتى. پارس ئىمپېراتورلۇقى يېمىرىلگەندە، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى تېخى ئاخىرلاشمىغانىدى.
پارس ساسانىيلار دۆلىتى يېمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇرۇش يۆنىلىشى غەربكە سىلجىپ، ئىسلام قوشۇنلىرى مىسىر، شىمالى ئافرىقا ۋە ئاق دېڭىز ئاراللىرىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇ يەرلەردىكى ئۇرۇشلار تۆت خەلىپىنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىمۇ داۋاملاشتى.
يەرمۇك جېڭى
ھەزرىتى ئۆمەر ئىسلام قوشۇنى غەرب تەرەپتە قاتتىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا خەلىپىلىككە تەيىنلەندى.
دەل شۇ چاغلاردا، ئىسلام قوشۇنى بىزانسلارنىڭ ناھايىتى چوڭ قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن يەرمۇك دېگەن يەرگە يىغىلغان بولۇپ، ھازرقى سۈرىيەنىڭ ئىئوردانىيە چېگرىسىدىكى دەرئا دېگەن يەرگە قارارگاھ قۇرغانىدى. بەزى تارىخچىلار يەرمۇك دەرياسى ئىسلام قوشۇنى بىلەن بىزانس قوشۇنىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرغان سىزىق دەپ كۆرسىتىش بىلەن خاتالاشماقتا. بۇ يەرنى بىر ئايلىنىپ چىققان كىشى بۇ يەردىكى چوڭقۇر جىلغىغا قاراپلا بۇ رايوننىڭ ئۇرۇش قىلىشقا بەكمۇ ئەپسىز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ.
ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئىسلام قوشۇنى باش قوماندانلىق ئورنىغا قارارگاھنىڭ مەدىنە بىلەن ئاسان ئالاقىلىشەلەيدىغان ۋە مەدىنىدىن ئەۋەتىلگەن ياردەمچى قوشۇن ئاسان يېتىپ بارالايدىغان بىر يەرگە قۇرۇلۇشى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئىسلام قوشۇنى ئۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ جىلغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قارارگاھنى قارشى تەرەپكە قۇرغان (بۇنداق قىلىش بەكمۇ قىيىنغا توختايدۇ - ئەلۋەتتە!) تەقدىردە، ئارقىسىدىن كېلىدىغان ياردەمچى قوشۇننىڭ ئۇلارغا يېتىپ كېلىشى مۇمكىن بولمايتتى ھەم ئۇلارنىڭ مەدىنە بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىمۇ يوققا چىققان بولاتتى. ئەگەر نورمال شارائىتتا، ئەھۋال ئۇ تارىخچىلار ئۆز مەيلىچە ئاڭلاتقىنىدەك بولغان بولسا، ئۇرۇشنىڭ بېشىدىن تارتىپ تېز ـ تېز ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ قوشۇن بۇ جىلغىدىن قانداق ئۆتەلەيتتى ياكى بۇ زېمىندا قانداق ئۇرۇش قىلالايتتى؟
بۇ زېمىننىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتقان قوشۇن قوماندانلىق مەركىزى قوشۇننىڭ ئارقا سەپلىرىنى دەرئانىڭ غەربىي شىمالىغا يەرلەشتۈرۈپ، دەرئانى ئارقىدىن كېلىدىغان ياردەمچى قوشۇن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكىلى ۋە مەدىنە بىلەن ئالاقىلىشىش نۇقتىسى قىلىپ بەلگىلىگەنىدى. چۈنكى، بۇ يەردىن جىلغىنى كېسىپ قارشى تەرەپكە ئۆتۈش تېخىمۇ ئاسان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خالىد ئىبنى ۋەلىد باسرادىن يەرمۇكقا كەلگىنىگە قارىغاندا، يا دەرئادىن ياكى ئۇنىڭ شىمال تەرىپىدىن كەلگەن بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، يەرمۇك جېڭى يەرمۇك دەرياسىنىڭ بىر قىرغىقىدا ئېلىپ بېرىلغان دېيىلسە، ئەقىلغە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ. بۇ يەر ئەررۇقەد ياكى ئەل ئەلەق بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئۇرۇشتا ئەمر ئىبنى ئاس قوماندانلىقىدىكى قوشۇن ئوڭ (شىمال) قاناتقا، يەزىد ئىبنى ئەبۇسۇفيان قوماندانلىقىدىكى قوشۇن سول قاناتقا، ئەبۇئۇبەيدە قوماندانلىقىدىكى قوشۇن بولسا، سەپنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقانىدى.
مۇسۇلمانلار سېپى ئۆز تۇغلىرىغا ئەگىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. سەپنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدە مۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ ئەسكەرلىرى، ئەڭ سول تەرىپىدە نەففاسە ئىبنى ئۇسامە ئەل قىنانە ئەسكەرلىرى يەرلەشكەنىدى.
ھاشىم ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس پىيادە قوشۇننىڭ قوماندانى بولۇپ، خالىد ئىبنى ۋەلىد ئاتلىق قوشۇننىڭ قوماندانى، باش قوماندان ۋە باش مەسلىھەتچى ئىدى. بەھەيۋەت ۋە كۆرەڭ بىزانس قوشۇنى ئۇرۇش مەيدانىنى خۇددى قارا بۇلۇتتەك قاپلىغان بولۇپ، كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىشكە باشلىدى. لەشكەرلەر توختىماي چۇقان سالسا، پوپ ۋە راھىبلار ئۇلارغا روھىي مەدەت بېرىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا ئىنجىل ئوقۇيتتى. ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان خالىد ئىبنى ۋەلىد ئەبۇ ئۇبەيدەگە يېقىنلىشىپ: «ساڭا بىر تەلىمات بەرمەكچىمەن» دېدى. ئەبۇ ئۇبەيدە: «اﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن تەلىماتىڭنى دەرھال ئورۇنداشقا تەييارمەن!» دېدى.
خالىد ئىبنى ۋەلىد ئۇنىڭغا: «مەنچە مۇنداق قىلايلى: ئاۋۋال بۇ قوشۇنغا قېچىپ قۇتۇلالمىغۇدەك دەرىجىدە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلايلى. مەن ئوڭ ۋە سول قاناتلارنىڭ يېمىرىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن، شۇڭا ئاتلىق قوشۇننى ئىككىگە بۆلۈپ ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرايلى. ئەگەر ئوڭ ـ سول قاناتلىرىمىز كەينىگە چېكىنگىدەك بولسا، ئاتلىق قوشۇن ئۇلارنى ئارقا تەرەپتىن قوغدايدۇ» دېدى. ئەبۇ ئۇبەيدەمۇ: «توغرا دەيسەن، شۇنداق قىلايلى!» دەپ ئۇنىڭغا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، خالىد ئاتلىق قوشۇننى ئىككىگە بۆلۈپ، ئۆزى ئوڭ قاناتقا ئايرىلغانلارنىڭ بېشىغا ئۆتتى، سول تەرەپكە قەيس ئىبنى ھۇبەيرەنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاندىن ئەبۇ ئۇبەيدەگە ئوتتۇرىدىكى قوشۇننىڭ ئەڭ ئاخىرىغا بېرىشنى بۇيرىدى. چۈنكى، ئەگەر قوشۇن تالاپەتكە ئۇچراپ كەينىگە چېكىنىپ قالسا، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدا ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ قوشۇنى بارلىقىنى كۆرۈپ، چېكىنىشتىن توختاپ قايتا ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئەبۇ ئۇبەيدە قوشۇنىنىڭ ئارقىغا چېكىنىپ، ئۆز ئورنىغا ئەشەرەئى مۇبەششەرە دىن سەئىد ئىبنى زەييىدنى تەيىنلىدى. ئاندىن خالىد ئېتىنىڭ بېشىنى قوشۇننىڭ ئەڭ ئاخىرىغا جايلاشقان ئاياللار تەرەپكە بۇراپ، ئۇلارغا: «ئەسكەرلەردىن كەينىگە چېكىنىپ قاچقانلارنى كۆرسەڭلار، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق بەردى. دەرۋەقە، ئاياللارمۇ قوراللىق ئىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد ئەمرلىرىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇرۇش سېپىدىكى ئورنىغا قايتتى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇنى بىر ـ بىرىگە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كېلىپ، سەپ تارتىپ تىزىلدى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئىسلام قوشۇنىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەي اﷲ نىڭ بەندىلىرى! اﷲ نىڭ دىنىغا ياردەم قىلىڭلاركى، اﷲ سىلەرگە تىركىشىش كۈچى بەرسۇن ۋە سىلەرگە زەپەر ئاتا قىلسۇن. ئەي مۇسۇلمانلار! بۈگۈن تاقەت قىلىڭلار، سەۋرچان بولۇڭلار. سەۋر سىلەرنى كۇپۇرلۇقنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدايدۇ، سىلەرنى اﷲ نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرۈپ، رەزىللىكتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. سەپلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار! ئۇلارغا قاراپ تۇنجى بولۇپ قەدەم ئالغان ۋە ئۇلارغا تۇنجى بولۇپ قورال تەڭلىگەنلەردىن بولماڭلار. نەيزەڭلارنى چىڭ تۇتۇپ، قالقانلىرىڭلار بىلەن قوغدىنىڭلار. ئىچىڭلاردا اﷲ نى زىكىر قىلىڭلار. مەن بۇيرۇق بەرمىگىچە ئاۋازىڭلارنى چىقارماڭلار!»
قوماندانلاردىن مۇئاز ئىبنى جەبەلمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەسكەرلەرگە مۇنداق دەپ خىتاب قىلدى:
«ئەي ئەھلى قۇرئان! ئەي ئىلاھىي كىتابنىڭ ئىگىلىرى! ئەي توغرا يولنىڭ ۋە ھەقنىڭ مۇھاپىزلىرى! اﷲ نىڭ رەھمىتىگە نائىل بولۇش ۋە جەننەتكە كىرىش قۇرۇق تەمەننا بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. اﷲ نىڭ مەغپىرىتى ۋە كەڭ رەھمىتى بۈگۈنكىدەك جىھادقا چىن ئېتىقادى بىلەن قاتناشقان ۋە اﷲ نىڭ مۇجاھىدلارغا بەرگەن ۋەدىسىگە ھەقىقى ئىمانى بىلەن ئىشەنگەن كىشىلەر ئۈچۈندۇر. اﷲ تائالانىڭ:
(اﷲ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى( دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟ ئەي مۇجاھىدلار! اﷲ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن. اﷲ نىڭ سىلەرنى دۈشمەندىن قاچقان ھالەتتە كۆرۈشىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار! چۈنكى سىلەر ھەر قانداق شارائىتتا اﷲ نىڭ قۇدرەت ئىلكىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىش مۇمكىن ئەمەس. اﷲ نىڭ ياردىمى بولماي تۇرۇپ غەلىبە قىلالمايسىلەر، ھۆرمەت ـ ئېتىبارغا ئېرىشەلمەيسىلەر.
»
قوماندان ئەمر ئىبنى ئاسمۇ ئۆز قول ئاستىدىكى قوشۇنغا مۇنداق دېدى:
«ئەي مۇسۇلمانلار! تىز چۆكۈڭلار ۋە كۆزلىرىڭلارنى يۇمۇڭلار! نەيزەڭلارنى تۈزلەپ، مەھكەم تۇتۇڭلار. ئەگەر دۈشمەن ئۈستۈڭلارغا باستۇرۇپ كەلسە، ئاۋۋال ئۇلارغا پۇرسەت بەرگەندەك بولۇۋېلىڭلار. نەيزىلىرىنى سىلەرگە توغرىلىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خۇددى شىر ئوۋغا ئېتىلغاندەك ئېتىلىپ، قىلچە ئارام بەرمەڭلار!
توغرا ئىشتىن مەمنۇن بولىدىغان، راستچىللارغا غەيرەت ـ شىجائەت ئاتا قىلىدىغان، خاتانى جازالاندۇرۇپ، توغرىنى مۇكاپاتلاندۇرىدىغان اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، بۇ مەملىكەتنى يۇرت ـ يۇرت، ئوردا ـ ساراي، ھەتتا ھەممە بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىغىچە فەتىھ قىلىدىغانلىقىڭلارغا دائىر خۇشخەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۆپلۈكى ياكى ئوردىلىرىنىڭ بەھەيۋىتى سىلەرنى ھەرگىز قورقۇتمىسۇن! ئەگەر ئۇلارغا قارشى پىداكارلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ چىل بۆرىنىڭ كۈچۈكلىرىدەك ھەر تەرەپكە پېتىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىلەر.»
ئەبۇ سۇفيان بولسا مۇنداق دېدى:
«ئەي مۇسۇلمانلار! بىلىسىلەركى، سىلەر ئەرەب سىلەر. ھازىر ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلاردىن، مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسىدىن ۋە مۇسۇلمانلار سىلەرگە ياردەم قىلالايدىغان يەردىن بەكمۇ يىراقتا تۇرۇۋاتىسىلەر. سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا سانى بەكمۇ كۆپ ۋە سىلەرگە خىرىس قىلىپ تۇرغان دۈشمەن قوشۇنى تۇرماقتا. ئۇلارنى ۋەتەن، دوست ـ بۇرادەر ۋە بالا ـ چاقىلىرىدىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە كېلىشكە سىلەر مەجبۇرلىدىڭلار. اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ سەمىمىيىتىڭلار ۋە جەسۇرلۇقۇڭلارلا سىلەرنى بۇ دۈشمەننىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، اﷲ نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرەلەيدۇ. سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، بۈگۈن چوقۇم قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلمىساڭلار بولمايدۇ.
خەلىپە ۋە باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قۇش ئۇچمايدىغان، كارۋان ماڭمايدىغان، كۆز يەتكۈسىز چۆل ـ جەزىرە بار. بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ بەرداشلىق بېرىش ۋە قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا ياردەم تەلەپ قىلغۇدەك كىشىسى ياكى پاناھلىق تىلىگۈدەك يېرى يوق. بىردىنبىر ئىشەنچىڭلار __ اﷲ نىڭ ۋەدىسىدۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، قىلىچىڭلار بىلەن ئۆزەڭلارنى قوغداڭلار ۋە بىر ـ بىرىڭلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىڭلار، بىردىنبىر چىقىش يولى مانا بۇ.»
ئەبۇ سۇفيان سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، سەپنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان ئاياللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغىمۇ بەزى ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئاندىن يەنە قوشۇننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ:
«ئەي ئەھلى ئىسلام! ئالدىڭلاردىكى ۋەزىيەتنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە جەننەت ئالدىڭلاردا، شەيتان ۋە جەھەننەم ئوتى بولسا ئارقاڭلاردا تۇرۇپتۇ» دېگەندىن كېيىن، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇش سېپىدىكى ئورنىغا قايتتى.
ئۇلاردىن باشقا، ئەبۇ ھۇرەيرەمۇ قوشۇنغا مۇنداق دەپ ۋەز ئېيتتى:
«بۈگۈن جەننەت ھۆرلىرىگە نائىل بولۇش ۋە اﷲ تائالانىڭ جەننەت ۋە مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىڭلار. سىلەر اﷲ تائالا سىلەردىن ئەڭ رازى بولىدىغان يەردە تۇرۇۋاتىسىلەر. شۇنى ياخشى بىلىڭلاركى، بۈگۈن سەۋر ـ تاقەت قىلغان ۋە بەرداشلىق بەرگەنلەر ئۈچۈن ياخشى پەزىلەتلەر ۋە اﷲ نىڭ ئېسىل مۇكاپاتلىرى باردۇر.»
ئىككى تەرەپ قوشۇنى بىر ـ بىرىگە قارىمۇ قارشى كەلدى.
ئىسلام قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرىدىن ئەبۇئۇبەيدە ۋە يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان يانلىرىغا دەررار ئىبنى ئەل ئەزۋار، ھارىس ئىبنى ھىشام ۋە ئەبۇ جەندەل ئىبنى سۇھەيل ئىبنى ئامىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ، قوشۇن باش قوماندانلىق مەركىزى نامىدا بىزانس قوشۇنىنىڭ قوماندانلىق ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشۈشكە ماڭدى. بىزانس قوشۇنىنىڭ قارارگاھىغا كېلىپ: « قوماندانىڭلار بىلەن كۆرۈشمەكچىمىز» دېدى. ئۇلارغا قوماندان تزاراك نامىدا ئىجازەت بېرىلدى. مۇسۇلمان قوماندانلار قارارگاھ ئىچىگە كىرىپ، چېدىرنىڭ يىپەك بىلەن تولغانلىقىنى كۆردى ۋە: «بىز (دىنىمىزنىڭ شەرتلىرىگە ئاساسەن) يىپەكتىن قىلىنغان چېدىرغا كىرەلمەيمىز» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈپ، چېدىرغا كىرگىلى ئۇنىمىدى. بىزانس قوماندان ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم يىپەك سېلىنچا تەييارلاتقانىدى، ئۇلار سېلىنچا ئۈستىگە ئولتۇرۇشنىمۇ قوبۇل كۆرمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىزانس (رىم) قوماندانى ساھابىلەر خالىغان يەردە ۋە ئۇلار خالىغان شەكىلدە ئولتۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ساھابىلار (اﷲ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن!) ھەردائىم ئەنە شۇنداق بولۇپ، ناھايىتى ئاددى مەسىلىلەردىمۇ اﷲ يولغا قويغان شەرىئەت ھۆكمىنىڭ ھېچبىرىگە سەل قارىمايتتى. بۇ ئىشتىمۇ چېدىر ۋە سېلىنچىلار گەرچە كىيىم ـ كېچەك تۈرىگە كىرمىسىمۇ (ئىسلامدا ئەرلەرنىڭ يىپەك كىيىم كىيىشىلا چەكلەنگەن)، ئۇلار يەنىلا ئۇنىڭغا قاتتىق قارشىلىق بىلدۈردى. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش پوزىتسىيىلىرى ئۇلارنى دۈشمەن كۆزىدە تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلىپ كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولغاچقا، دۈشمەنلەر ئۇلار بىلەن سۈلھى قىلىشقا مەجبۇرلىناتتى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار تارىختا ئۆزلىرىگە لايىق يەردىن ئورۇن ئالدى. شۇنداقلا، ئۆزلىرىگە خاس ئۈستۈن تەبىئىتى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، ئېسىل سالاھىيەتكە ئېرىشتى ۋە ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان مۇكاپاتقا نائىل بولدى.
ساھابىلەر بۇ كۆرۈشۈشتە بىزانسلارغا مۇسۇلمان بولۇش ياكى باج تۆلەش ۋەياكى ئۇرۇش قىلىشتىن بىرىنى تاللاش تەكلىپىنى سۇندى. بىزانسلار تەرسالىق قىلىپ ئۇرۇش قىلىشنى تاللىدى.
بۇ ئارىدا، بىزانس قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرىدىن ماھان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە كۆرۈشۈش ئۈچۈن خالىد ئىبنى ۋەلىدنى ئىككى قوشۇن ئارىسىدىكى بوش مەيدانغا چاقىردى. خالىد ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ: «سىلەرنى مەملىكىتىڭلاردىن تا بۇ يەرلەرگىچە كېلىشكە مەجبۇرلىغان سەۋەبنىڭ يوقسۇللۇق ۋە ئاچلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق. راست شۇنداق بولسا، مەن ھەر بىرىڭلارغا ئون دىناردىن پۇل بەرگەننىڭ سىرتىدا ھەممىڭلارغا بىرەر قۇردىن كىيىم ـ كېچەك تارقىتىپ بېرەي. سىلەر مەملىكىتىڭلارغا قايتىڭلار، كېلەر يىلى مەن يەنە شۇنداق قىلىمەن» دېگەن تەكلىپنى بەردى.
خالىد ئىبنى ۋەلىد ماھانغا: «بىزنى مەملىكىتىمىزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنى سەن دېگەن نەرسىلەر ئەمەس. ئەمما شۇنى بىلىپ قالكى، بىز قان ئىچىدىغان بىر مىللەتمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزانس قېنىنىڭ ئەڭ تاتلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەرگىچە كەلدۇق» دەپ جاۋاب بەردى. قوماندان ماھان بىلەن بىللە كەلگەنلەر: «اﷲ قا قەسەم قىلىمىزكى، بىز ئەرەبلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. باشقىلارغىمۇ شۇنداق چۈشەندۈرەتتۇق» دەپ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى ۋەھىمىنى ئىزھار قىلىشتى.
شۇنداق، مانا بۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەن دۈشمەن بەكمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتتى. خالىد ئىبنى ۋەلىد ھامانغا مەيدان ئوقۇغاندىن كېيىن، ئېتىنى دېۋىتىپ ئوتتۇرا سەپنىڭ ئوڭ ۋە سولىغا جايلاشقان ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھىل ۋە كەئكە ئىبنى ئامرنىڭ ئالدىغا ئايرىم ـ ئايرىم بېرىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇرۇش باشلىشىنى بۇيرىدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇرۇش رەسمىي باشلانغان بولدى. ئۇ كۈنى، ھىجرەتنىڭ ئون ئۈچىنچى يىلى، رەجەب ئېيىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى ئىدى.
بىزانسلار ئاۋۋال ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئوڭ قانىتىغا ھۇجۇم باشلاپ، ئاستا ـ ئاستا ئوتتۇرىغا قاراپ سىلجىدى. بۇ ۋاقىتتا، چوڭ ساھابە ۋە مەشھۇر قوماندان مۇئاز ئىبنى جەبەل مۇنداق دەپ دۇئا قىلىۋاتاتتى:
«ئى پەرۋەردىگارىم! دۈشمەنلىرىمىزنىڭ پۇتلىرىنى تىترىتىپ، يۈرەكلىرىگە ۋەھىمە سال! بىزگىمۇ جاسارەت ۋە غەيرەت ئاتا قىلىپ، سەن يولغا قويغان شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ھەردائىم ئىتائەت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىل! بىزگە دۈشمەنلىرىمىز بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئۇرۇش قىلىدىغان شىجائەت بەر ۋە ئىلاھىي تەقدىرگە رازىمەنلىك بىلەن بويۇن ئېگىشكە مۇيەسسەر قىل، ئى رەببىم!»
ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدە بىزانس سەپلىرىدىكى ئەرەب زۇبەيدىلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، چۇقان سالغان پېتى كەينىگە چېكىنىشكە باشلىدى. مۇسۇلمانلار بولسا، بىزانسلارغا بولغان ھۇجۇمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇلاردىن تالاپەتكە ئۇچراپ قېچىشقا باشلىغانلارنى كەينىگە قايتۇرۇشقا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن دۈشمەننى پەرىشان قىلىشقا باشلىدى. ئىسلام قوشۇنىدىن قاچماقچى بولغانلارنى ئاياللار توستى. شۇنىڭ بىلەن قوشۇن ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى.
ئۇرۇش شىددەتلىك داۋاملىشىۋاتاتتى. قوماندان ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھىل بار كۈچى بىلەن: «مەن ئەينى ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھقا قارشى بىرمۇنچە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەممەن. بۈگۈن سەنلەردىن قورقۇپ قالامتىم؟» دەپ ۋارقىرايتتى. ئاندىن ئۇ ئەسكەرلىرىگە قاراپ: «ئاراڭلاردا مەن بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇشۇپ ئۆلۈشكە قەسەم ئىچكەنلەر بارمۇ؟» دەپ ۋارقىرىدى. بۇ چاقىرىققا دىرار ئىبنى ئەل ئەزۋار ۋە ئىكرىمەنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ھارىس ئىبنى ھىشام قاتارلىق 400 گە يېقىن ئەسكەر كۆكرەك كېرىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەممىگە تونۇلغان كىشىلەر ئىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ چېدىرى ئالدىدا ئۇرۇشقان بۇ قەھرىمانلاردىن دىرار ئىبنى ئەل ئەزۋار قاتارلىق بىر گۇرۇھ ئەسكەر شېھىت بولدى، قالغانلارنىڭ ھەممىسى يارىلاندى. بۇ ئۇرۇش داۋامىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنداق بىر ۋەقە رىۋايەت قىلىنىدۇ:
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يارىلانغان بۇ ئەسكەرلەر ئۈچۈن سۇ ئېلىپ كېلىندى. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسىگە سۇ ئۇزىتىلدى، ئەمما ئۇ يېنىدىكىسىنىڭ قاراشلىرىغا چىدىماي: «ئاۋۋال ئۇنىڭغا بېرىڭلار!» دەپ سۇنى ئىچمىدى. ئىككىنچىسىگە ئۇزىتىلسا، ئۇمۇ ئۈچىنچىسىنى كۆرسىتىپ ئىچكىلى ئۇنىمىدى. سۇ ئىچىلمەي داۋاملىق ئايلىنىپ ماڭدى. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى يارىدارغا كەلگەندە، سۇ ئۈلگۈرمەي شېھىت بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، سۇنى كەينىگە قايتۇرۇپ باشتا ئىچمىگەن يارىدارلارغا ئىچكۈزمەكچى بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى شېھىت بولۇپ بولغانىدى. ئىسلام دىنىنىڭ بۇ تۇنجى قەھرىمانلىرى جان بېرىش ئالدىدا كۆرسەتكەن بۇ ئاجايىپ خىسلىتى بىلەن تارىخنىڭ شەرەپ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
بىزانسلار ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئوڭ تەرەپكە قوغلاۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خالىد ئىبنى ۋەلىد قول ئاستىدىكى ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن بىزانسلارنىڭ سول قانىتىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ھۇجۇمدا مۇسۇلمانلار بىزانسلارنىڭ ئالتە مىڭ ئەسكىرىنى يوقاتتى. ئاندىن خالىد قوماندانلىقىدىكى ئاتلىق يۈز ئەسكەر بىلەن بىزانسلارنىڭ مىڭدەك ئەسكىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تالاپەتكە ئۇچراتتى ۋە خېلى ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرگەندىن كېيىن كەينىگە قايتتى.
ئۇلار قايتىپ بارغاندا، (ئالدىنقى بۆلۈملەردە سۆزلەپ ئۆتۈلگەندەك) قارارگاھقا مەدىنىدىن ئەۋەتىلگەن مەكتۇب يېتىپ كەلگەنىدى.
مەكتۇبتا ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىككە سايلانغانلىقى ۋە ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئورنىغا باش قوماندان بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى يېزىلغانىدى.
ئۇرۇش ۋەزىيىتى سەل پەسلەپ قالغان بىر ۋاقىتتا، رۇم (بىزانس) سەپلىرى ئارىسىدىن گېئورگى (George) ئىسىملىك بىر قوماندان ئوتتۇرىغا چىقىپ، خالىد ئىبنى ۋەلىد بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. خالىد ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىككى قوماندان بىر ـ بىرىگە شۇ قەدەر يېقىنلاشتىكى، ئاتلىرى بىر ـ بىرىگە يانمۇ يان كەلگەنىدى. گېئورگى خالىدقا مۇنداق دېدى:
ــ ئەي خالىد! سەندىن بىر ئىشنى سورىماقچىمەن، ماڭا راستىنى ئېيت، ھەرگىز يالغان گەپ قىلما! چۈنكى، ھۈر ئىنسان يالغان گەپ قىلمايدۇ. مېنى ئالدايمەن دېمە! چۈنكى، مەرت ئىنسان اﷲ قا ئىشىنىپ ئوتتۇرىغا چىققان بىرىنى ئالداشقا ئۇرۇنمايدۇ. سەندىن شۇنى سورىماقچىمەن: ئەجىبا! اﷲ پەيغەمبىرىڭلارغا ئاسماندىن (كىمگە قارشى ئىشلەتسەڭلار، شۇنى چوقۇم يېڭىدىغان) بىر قىلىچ چۈشۈرگەن بولسا، ھازىر بىزگە قارشى شۇ قىلىچنى ئىشلىتىۋاتامسىلەر قانداق؟
خالىد ئۇنىڭغا:
ــ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ـ دەپ جاۋاب بەردى. گېئورگى:
ــ ئۇنداقتا، مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، سېنى اﷲ نىڭ قىلىچى دېيىشىدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ـ دەپ سورىدى. خالىد ئۇنىڭغا:
ــ اﷲ تائالا بىزگە ئەلچىسىنى ئەۋەتكەن ۋاقىتتا، ئۇ بىزنى ھەقكە ۋە توغرا يولغا دەۋەت قىلدى. بىز بولساق، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ، قوبۇل قىلغىلى پەقەتلا ئۇنىمىدۇق. كېيىنچە، بەزىلىرىمىز ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئەگىشىشكە باشلىدۇق، بەزىلىرىمىز ئۇنى يالغانچىغا چىقىرىپ، قەتئىي يېقىنلاشمىدۇق. مەنمۇ ئۇنى يالغانچىغا چىقىرىپ، يېقىنلاشمىغانلاردىن بىرى ئىدىم. ئەمما، اﷲ تائالا كېيىن كۆڭۈللىرىمىزنى ھىدايەت نۇرى بىلەن يورۇتۇپ، توغرا يولغا مېڭىشقا مۇيەسسەر قىلدى. بېرىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدۇق. ئەنە شۇ ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «سەن اﷲ نىڭ مۇشرىكلەرگە قاراتقان قىلىچى سەن» دەپ مېنى ئىسلامغا ياردەملىشىشكە چاقىردى. شۇندىن بېرى «سەيفۇللاھ (اﷲ نىڭ قىلىچى)» نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىمەن. شۇ سەۋەب بىلەن، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە مۇشرىكلەرگە ئەڭ شىددەت بىلەن قارشى تۇرىدىغانلاردىن بىرىمەن، ـ دەپ جاۋاب بەردى. خالىدنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان گېئورگى:
ــ ئەي خالىد! ئۇنداقتا، سىلەر ئىنسانلارنى نېمىگە ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىسىلەر؟ ـ دەپ سورىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد:
ــ بىز ئىنسانلارنى اﷲ نىڭ بىر ئىكەنلىكىگە، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە شاھادەت ئېيتىشقا، اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ۋەھيىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەستىقلاشقا دەۋەت قىلىمىز،- دېدى.
ــ بۇ دەۋىتىڭلارنى قوبۇل قىلمىغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىسىلەر؟- دەپ سورىدى گېئورگى. خالىد:
ــ ئۇلاردىن جىزيە (باج) ئالىمىز ۋە ئۇلارنى دۈشمەنلەردىن قوغدايمىز، ـ دەپ جاۋاب بەردى. گېئورگى يەنە:
ــ ئەگەر جىزيەنىمۇ قوبۇل قىلمىسىچۇ؟ ـ دەپ سورىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد:
ــ ئۇنداق قىلسا، ئۇرۇش ئېلان قىلىمىز، ـ دېدى.
خالىد ئىبنى ۋەلىد بىلەن گېئورگى ئارىسىدا يەنە مۇنداق دىئالوگ بولۇپ ئۆتتى:
گېئورگى:
ــ بۈگۈن ئىمان ئېيتىپ، سىلەرگە قېتىلغان بىر ياتنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەھۋالى ۋە ئورنى قانداق بولىدۇ؟
خالىد:
ــ اﷲ نىڭ ئەمرلىرى ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ ئورنىمىز ئوخشاش.
يەنى يۇرت چوڭلىرى بىلەن ئاددىي بىر پۇقرانىڭ، باشتىكى بىلەن ئاخىرقىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق، ھەممەيلەن تەڭ ـ باراۋەر. ھېچكىمنىڭ ھېچكىمدىن ھېچقانداق ئۈستۈنلۈكى يوق.
گېئورگى:
ــ بۈگۈن مۇسۇلمان بولغان بىرىنىڭ بۇندىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغانلار بىلەن ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
خالىد:
ــ ئەلۋەتتە بار. ھەتتا ئۇلاردىنمۇ كۆپ ساۋابقا ئېرىشەلەيدۇ.
گېئورگى:
ــ ئەمما سىلەر خېلى بۇرۇنلا مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرسىلەر. بۈگۈن بىرى چىقىپ مۇسۇلمان بولسا، ئۇ قانداقسىگە سىلەرگە ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشەلەيدۇ؟ ئۇنى سىلەر بىلەن قانداق سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟
خالىد:
ــ توغرىسىنى ئېيتقاندا، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېخى ھايات چېغىدا بۇ ئۇلۇغ دىننى ئۇنىڭدىن ئۆگەندۇق، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن ھىدايەتكە ئېرىشتۇق. ئۇ تېخى ئارىمىزدىكى ۋاقىتتا ۋە ئۇنىڭغا ئاسماندىن خەۋەرلەر چۈشۈۋاتقان مەزگىلدە بېرىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدۇق. ئۇ ئىلاھىي كىتابنى شەخسەن ئۆزى ئۆگىتەتتى، مۇجىزە ۋە ئايەتلەرنى بىزگە كۆرسىتەتتى. شۇڭا، بىز كۆرگەننى كۆرگەن ۋە بىز ئاڭلىغاننى ئاڭلىغان كىم بولسا بولسۇن، ئۇنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى شەرت ئىدى. سىلەرگە كەلسەك، سىلەر بىزگە ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر نەرسە كۆرمىدىڭلار ياكى ئاڭلىمىدىڭلار. ئۇنداق بولغانىكەن، ئاراڭلاردىن بىرى ئىسلامنى ھەقىقىي مەنىدە ۋە سەمىمىي نىيەت بىلەن قوبۇل قىلسا، ئۇنىڭ ساۋابى بىزنىڭكىدىنمۇ ئۈستۈن بولىدۇ.
گېئورگى:
ــ ئەي خالىد! سەن ھەقىقەتەن راست گەپ قىلدىڭ ۋە مېنى ئالدىمىدىڭ.
خالىد:
ــ اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ساڭا راست گەپ قىلدىم. سېنىڭ دىلىڭغا بۇ سوئاللارنى سالغانمۇ اﷲ تائالادۇر.
مانا بۇ دىئالوگدىن كېيىن، گېئورگى قولىدىكى قالقاننى يەرگە پىرقىرىتىپ تاشلاپ خالىدقا: «ماڭا ئىسلامنى ئۆگەت!» دېدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد ئۇنى ئېلىپ چېدىرىغا قايتتى. ئاۋۋال ئۇنىڭغا تاھارەت ئالدۇرۇپ، بىرلىكتە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. بۇ ۋاقىتتا، بىزانس قوشۇنى مۇسۇلمانلارغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تاكى (قوشۇننىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان) ئىكرىمە ۋە تاغىسى ھارىسنىڭ قوماندانلىقىدىكى مۇداپىئە سەپلىرىگىچە چېكىندۈرگەنىدى.
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن خالىد ۋە گېئورگى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، رۇملارغا قاراپ ئېتىلدى ۋە اﷲ نىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنى تالاپەتكە ئۇچراتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، گېئورگى بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا دۈشمەندىن زەربە يەپ شېھىت بولدى. اﷲ ئىسلامنىڭ بۇ شېھىتىگە رەھمەت قىلسۇن!
ئۇرۇش ئەڭ شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بۇ كۈندە، مۇسۇلمانلار پېشىن ۋە دىگەر نامازلىرىنى پەقەت ئىما ـ ئىشارەت ئارقىلىقلا ئوقۇيالىدى. نامازشام ۋە خۇپتەننىڭ ۋاقتىنىمۇ كېچىكتۈردى.
بىزانس قوشۇنى بولسا، كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن پايدىلىنىپ ۋەقۇسە دېگەن يەرگە چېكىندى. قاچمىسۇن دەپ زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ قويۇلغان رۇم ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرۈلدى.
يەرمۇك جېڭىغا قاتناشقان چوڭ ساھابىلەردىن بىرى زۇبەير ئىبنى ئاۋام بولۇپ، بۇ چوڭ ساھابە ئۇ كۈنى يەرمۇك جېڭىغا قاتناشقان ساھابىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، شۇنداقلا ئەڭ قەھرىمانى ۋە جەڭگىۋارى ئىدى. ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار جەڭچىلىرىدىن بىر قانچىسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «سەن بىزگە باشچىلىق قىل، بىزانسلارغا قارشى بىر ھۇجۇم باشلايلى!» دېدى. زۇبەير ئۇلارغا: «سىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر» دېدى. ئەمما بۇ قەھرىمان جەڭچىلەر: «ياق، بىز بەرداشلىق بېرىمىز» دېيىشتى ۋە چاقماق تېزلىكىدە بىزانس سەپلىرىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى.
ئەمما ئۇلار بىزانسلارنىڭ بەكمۇ مۇستەھكەم سېپىگە دۇچ كەلدى ۋە زۇبەيردىن باشقا ھەممىسى كەينىگە چېكىندى. زۇبەير بولسا، دۈشمەن سەپلىرىنى خۇددى ئوقتەك ئىككىگە يېرىپ، دۈشمەننىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن يەنە شۇ تەرىقىدە ئالدى تەرىپىگە ئۆتۈپ، سەبداشلىرىنىڭ يېنىغا قايتتى. بۇ ھەرىكەتنى يەنە بىر قېتىم قىلدى، ئەمما ئۆزىمۇ مۈرىسىنىڭ ئىككى يېرىگە دۈشمەندىن زەربە يېدى.
بۇ ئۇرۇشتا ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھىل، ئۇنىڭ تاغىسى ھارىس ئىبنى ھىشام، ئىكرىمەنىڭ ئوغلى ئامىر، سەلەمە ئىبنى ھىشام، ئامىر ئىبنى سەئىد، ئەببان ئىبنى سەئىد، ھىشام ئىبنى ئەل ئاس ۋە ئامىر ئىبنى تۇفەيل قاتارلىقلار شېھىت بولدى. ئەمر ئىبنى ئاس ئۆزىنىڭ يېنىدىكى تۆت ئەسكەر بىلەن ئارقا سەپكە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى، ئەمما ئاياللارنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىشى بىلەن تەكرار دۈشمەنگە قاراپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش، شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنە قوماندانلىقىدىكى قوشۇنمۇ ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانىدى، لېكىن باش قومانداننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن قايتىدىن ھۇجۇم باشلىدى. يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان ئۇ كۈنى بەكمۇ قەھرىمانلارچە جەڭ قىلدى. چۈنكى، دادىسى ئەبۇسۇفيان ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «جېنىم ئوغلۇم! ھەرگىز اﷲ نىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، نامەرتلىك قىلما، سەۋرچان بولغىن! بۈگۈن كۆكرەك كېرىپ ئۇرۇشمىغان بىرمۇ يىگىت يوق. سەن ۋە تەڭتۇشلىرىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىر ۋە قوماندانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلار) باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەرداشلىق بېرىشى ۋە اﷲ نىڭ ئەمرىگە تېخىمۇ بەك بويسۇنۇشۇڭلار كېرەك. جېنىم بالام! ئۇنداق بولغانىكەن، اﷲ نىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن قورقكى، سېنىڭ ئەمرىڭدىكى جەڭچىلەر (اﷲ دىن) سەندىنمۇ كۆپ ئەجىر تىلەيدىغان ۋە سەندىنمۇ بەكرەك بەرداشلىق بېرىدىغان بولۇپ كەتمىسۇن. بۇ جەھەتلەردە سەن ئۇلاردىنمۇ ئۈستۈن بولغىن!»
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان يەزىد دادىسىغا: «خاتىرجەم بولغىن، دادا! ئىنشائاللاھ سۆزۈڭگە لايىق بولۇشقا تىرىشىمەن!» دېدى ۋە ئۇ كۈنى ھەقىقەتەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلدى. يەزىد ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرا سەپلىرىگە جايلاشقانىدى.
سەئىد ئىبنى ئەل مۇسەييەب دادىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان بىر ئارىلىقتا ئەتراپنى جىمجىتلىق بېسىپ كەتتى. بىز بىردىنلا بىرىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىدۇق. ئۇ ئاۋازدىن مۇنداق بىر چاقىرىق كېلەتتى: ئى اﷲ نىڭ زەپىرى! ئەمدى بىزگە كەلگىن. ئەي مۇسۇلمانلار! غەيرەت قىلىڭلار، غەيرەت قىلىڭلار!…. قارىساق، ۋارقىرىغان ئۇ كىشى ئوغلى يەزىدنىڭ تۇغى ئاستىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەبۇ سۇفيان ئىكەن.»
داڭلىق قەھرىمان مالىك ئەشتەرمۇ يەرمۇك جېڭىدا بار ئىدى (ئۇ قادىسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشمىغان). يەرمۇك كۈنى بىزانس سەپلىرىدىن بىر جەڭچى چىقىپ:
ــ مەن بىلەن يەكمۇ يەك ئېلىشىدىغانلار بارمۇ؟- دەپ مەيدانغا چۈشتى. بۇنى ئاڭلىغان ئەشتەر دەرھال ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقتى. ئىككىسى يەكمۇ يەك خېلى بىر ۋاقىتقىچە تۇتۇشقاندىن كېيىن، ئەشتەر: « ئال ساڭا!» دەپ بىر زەربە ئۇردى. زەربە جايىغا تەگمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئىسلام قەھرىمانىغا ھەيران قالغان بىزانس جەڭچى:
ــ اﷲ مىللىتىمدىن ساڭا ئوخشاشلارنى كۆپەيتسۇن! ـ دەپ تىلىدى. ئاندىن:
ــ ئاھ! ئەگەر سەن مېنىڭ مىللىتىمدىن بولغان بولساڭ، شۇ بىزانس قوشۇنىنى مۇتلەق غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن بولاتتىم، ـ دەپ ئاھ ئۇردى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بىزانس ئىمپېراتورى ھېراكلىيۇس يەرمۇك جېڭى بولۇۋاتقان ۋاقىتتا ئانتاكيا دا ئىدى.
بىزانس قوشۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، ھەر تەرەپكە قېچىشى بىلەن ھېراكلىيۇس قوماندانلارنى يىغىپ:
ــ ئەي نانقېپىلار! قېنى ئېيتىشە، سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان شۇ خەقلەرمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئادەم ئەمەسمۇ؟- دەپ ۋارقىرىدى. قوماندانلار:
ــ شۇنداق، ـ دېيىشتى. ھېراكلىيۇس يەنە:
ــ سىلەرنىڭ سانىڭلار كۆپمۇ، ئۇلارنىڭمۇ؟ ـ دەپ سورىدى.
ــ بىز ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىدۇق، ـ دېيىشتى. ئېمپېراتور:
ــ ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ كېتىشتىڭ؟- دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن يېشى ئەڭ چوڭ بىر قوماندان يېڭىلىپ قېلىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
ــ ئۇلۇغ پادىشاھىم! ئۇلار كېچىسى ناماز ئوقۇيدۇ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتىدۇ. بەرگەن ۋەدىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىدۇ. توغرا يولغا باشلاپ، خاتا يولدىن چەكلەيدۇ. بىر ـ بىرىگە ئىنساپ بىلەن توغرا مۇئامىلە قىلىدۇ. بىزگە كەلسەك، بىز ئىچىملىك ئىچىمىز، زىنا قىلىمىز، يامان ئىشلاردىن قولىمىزنى تارتمايمىز. سۆزىمىزدە ھەرگىز تۇرمايمىز، بىر ـ بىرىمىزگە غەزەپلىنىمىز، زۇلۇم قىلىمىز. ھەردائىم بىر ـ بىرىمىزگە يامان ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىمىز، اﷲ مەمنۇن بولىدىغان ئىشلاردىن چەكلەيمىز. بۇ دۇنيادا ھەر تۈرلۈك جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، پىتنە ـ پاسات تېرىيمىز. مانا بۇ، بىزنىڭ يېڭىلىپ، ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئىمپېراتور چارىسىزلىقتىن ئۇنى تەستىقلاشقا مەجبۇر بولدى ۋە قاتتىق قايغۇغا چۆمدى. ئېيتىلىشىچە، بىزانس مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ئەرەب قۇززا قەبىلىسىدىن بىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا جاسۇس قىلىپ ئەۋەتتى. مېڭىش ئالدىدا ئۇنىڭغا: «شۇ مىللەتنىڭ ئارىسىدا بىر كېچە ـ كۈندۈز تۇرۇپ كەل ۋە كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىڭنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىن!» دەپ تەلىمات بەردى. بۇ ئادەم ئەرەب بولغانلىقى ئۈچۈن چاندۇرماستىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر كېچە ـ كۈندۈز تۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىگە تەلىمات بەرگەن بىزانسلىقنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. بىزانسلىق ئۇنىڭدىن: «قانداق خەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ؟» دەپ سورىدى. جاسۇس ئۇنىڭغا: «راستىنى ئېيتقاندا، ئۇلار كېچىلىرى راھىبلاردەك ئىبادەت قىلسا، كۈندۈزلىرى شىردەك يۈرەكلىك بولۇپ كېتىدىكەن. ئوغرىلىق قىلغۇچى پادىشاھنىڭ ئوغلى بولۇپ كەتسىمۇ، قولىنى كېىسىدىكەن. زىنا قىلغۇچىلارنى شەرىئەت ھۆكمى بويىچە قاتتىق جازالايدىكەن» دېدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان بىزانس مۆتىۋەرى: «ئەگەر ئېيتقانلىرىنىڭ راست بولسا، بۇ ئادەملەرگە قارشى چىققاندىن ئۆلۈپلا كەتكەن تېخىمۇ ياخشى. اﷲ تىن تىلەيمەنكى، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا ھەرگىز بېرىپ قالماي. مەن ئۇلاردىن ياكى ئۇلار مەندىن غالىب كەلمىسۇن!» دەپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلاردىن نەقەدەر قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
بۇ ئۇرۇشتا، ئەبۇسۇفيان قاتارلىق بىر قانچە مۇجاھىد كۆزىدىن ئايرىلدى. ئەبۇ سۇفياننىڭ بىر كۆزى ھۇنەين جېڭىدا كۆرمەس بولۇپ قالغانىدى. يەنە بىر كۆزى يەرمۇك جېڭىدا قۇيۇلۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ قالغان قىسمى ئەما ئۆتتى.
بۇ ئۇرۇشتا ئەما بولۇپ قالغان باشقا مۇجاھىدلار مۇنۇلار ئىدى: مۇغىرە ئىبنى شەئبە، ھاشىم ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، ئەل ئەشئاس ئىبنى قەيس، ئامىر ئىبنى مادى قەرىب، قەيس ئىبنى ئەل مەكشۇھ ۋە باشقا بىر قانچىسى…
رۇملار(بىزانسلار) ئۇرۇشنى تاشلاپ، تەرەپ ـ تەرەپكە قېچىشتى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە قوغلاپ يۈردى.
بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دەمەشق (ھازىرقى شام)، ھىمس شەھىرىنىڭ خەلقى مۇسۇلمانلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ئەھدىنامىسى تۈزدى. چۈنكى، بىزانس ئەسكەرلىرى بۇ تۇپراقلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تاشلاپ كەتكەچكە، بۇلار قوغدىغۇچىسىز قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېراكلىيۇس ھىمستىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي بازىسى، قوشۇنلىرىنىڭ سەپەر ۋە قوماندانلىق مەركىزى قىلىۋالغان ئانتاكياغا بېرىپ جايلاشقانىدى.
خالىد ئىبنى ۋەلىدتىن كېيىن قوشۇننىڭ باش قوماندانى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىر ئىبنى ئەل جەرراھ بىزانس قوشۇنىنى قوغلاشقا قاتناشمىغان ئەسكەرلەرنى يىغىپ، مەرج ئەس سەفەر دېگەن يەرگە قاراپ ھەرىكەتلەندى. چۈنكى، بىزانس قوشۇنىنىڭ فىھل دېگەن يەرگە قايتا يىغىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر يېتىپ كەلگەنىدى. ئەبۇ ئۇبەيدە بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، دەسلەپ بىر ئاز ئىككىلىنىپ قالدى. چۈنكى، ئۇ شامغا بېرىپ ئۇ يەردە تۇرۇش ياكى فىھلگە قاراپ ھەرىكەتلىنىشكە قارار بېرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئەھۋالنى بىلدۈرۈپ، پىكىر ئېلىش ۋە شۇ تەلىمات بويىچە ھەرىكەتلىنىش مەقسىتىدە خەلىپىگە خەۋەر يوللىدى. خەلىپە ئۇنىڭغا ئىشنى شامدىن باشلىشى كېرەكلىكىنى، بۇ يەر (شام) بىزانس قوشۇنىنىڭ مەركىزى ۋە سۈرىيەنىڭ قەلئەسى بولغاچقا سىتراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ مۇنداق تەلىمات بەردى:
«شامغا قاراپ ھەرىكەتلىنىڭلار! فىھلدە يىغىلىۋاتقان بىزانس قوشۇنىغا ئاتلىق ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئارامىدا قويماڭلار. ئەگەر اﷲ فىھلنىڭ دەمەشقتىن بۇرۇن فەتىھ قىلىنىشىنى مۇيەسسەر قىلسا، بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ. ئەگەر شام فىھلدىن بۇرۇن فەتىھ قىلىنىپ قالسا، شامغا بىر ھۆكۈمدار تەيىنلەپ قويۇپ، دەرھال فىھلگە قاراپ ئاتلىنىڭلار. اﷲ بۇ يەرنىمۇ فەتىھ قىلىشنى نېسىپ قىلسا، ئەمر ئىبنى ئاس ۋە شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنەنى پەلەستىن ۋە ئىئوردانىيەگە ھۆكۈمدار قىلىپ، خالىد بىلەن بىرلىكتە ھىمسقا قاراپ يولغا چىقىڭلار!»
دەرۋەقە، بۇ ئەمرنامە ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ قولىغا تېگىپ كۆپ ئۆتمەيلا فىھل شامدىن بۇرۇن مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.
فىھل ئۇرۇشى
فىھل ناھايىتى تېز سۈرئەتتە فەتىھ قىلىندى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇ يەرگە شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنە قوماندانلىقىدا بىر قوشۇن ئەۋەتكەنىدى. بىزانس قوشۇنىنىڭ 80 مىڭ ئەتراپىدا لەشكىرى بار ئىدى. ئەسلىدە بىزانسلار بۇ يەردىكى سۇلارنى قامال قىلىپ، ئىسلام قوشۇنىنىڭ شارائىتىنى قىيىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويغانىدى. ئەمما مۇسۇلمانلار (اﷲ نىڭ ياردىمى بىلەن) بۇ قىيىن شارائىتقا قارىماي، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قوزغاپ ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى ۋە شامدىن بۇرۇن فىھل بىلەن بەيساننى فەتىھ قىلىپ بولدى.
دەمەشق (شام) نىڭ فەتھى
فىھل فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئەبۇ ئۇبەيدە شامنىڭ فەتىھ قىلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەبۇل ئەنۋەر ئەس سەلەمىنى بىر بۆلەك قوشۇنغا قوماندان قىلىپ تابەريانى فەتىھ قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇندىن باشقا، بۇ قوشۇننى ئۆزلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاق ئەھدىنى بۇزۇپ، جەنۇبتىكى بىزانس قوشۇنىنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان شام خەلقىگە ئەۋەتىلىپ قېلىنىشى مۇمكىن بولغان قوشۇننىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈنمۇ ئەۋەتكەنىدى. ھىمس خەلقىمۇ شۇنداق قىلغانىدى (يەنى ئەھدىنى بۇزغانىدى).
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇسۇلمانلار سۈرىيە تۇپراقلىرىدا ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەۋاتاتتى.
بۇنىڭ سەۋەبى، شەھەرلەردىن باشقا يەرلەردە نوپۇسنىڭ ئازلىقى، بۇ يەرلەردە قەبىلە ھاياتىنىڭ ھاكىم ئورۇندا ئىكەنلىكى ۋە قوشۇننىڭ تېز ئىلگىرىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قەبىلىلەر كۆچمەن ھاياتتا ياشىغاچقا، قوشۇننىڭ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ قېلىش قورقۇنچى ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىتتىپاقلىشىشنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەبچى بولاتتى. سۈرىيەنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا قارىغاندا، دېڭىز ساھىلىغا يېقىن يەرلەرنىڭ (قۇددۇس شەھىرىمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە) تۇپراقلىرى مۇنبەت بولغاچقا، نوپۇسىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، قۇددۇس مۇقەددەس ماكان بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا يەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ بەك مۇستەھكەم قوغدىلاتتى.
سۈرىيە دېڭىز ساھىلىنىڭ شىمالى قىسمى تاغلىق ۋە تىك قىيالىق بولۇپ، يۈرۈش قىلىشقا ناھايىتى بىئەپ يەر ئىدى. بۇ يەرنىڭ خەلقىمۇ خۇددى ئۆزلىرى ياشايدىغان زېمىنغا ئوخشاش قوپال ۋە تەرسا كېلەتتى. ئىسلام فەتىھلىرى ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتلاردا، بۇ زېمىندا جۇرجۇملار ۋە ماردلار ياشايتتى. بىزانسلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان بۇ خەلق بۇ زېمىننىڭ ئەڭ كونا يەرلىك خەلقى بولۇپ، تەمبەل بويلۇق ئامالىقالارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
باش قوماندان ئەبۇ ئۇبەيدە ئۆز قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى باشلاپ شامغا يۈرۈش قىلدى. خالىد ئىبنى ۋەلىدنى قوشۇننىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ قوماندانى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۆزى سول قاناتنىڭ، ئەمر ئىبنى ئاس ئوڭ قاناتنىڭ قوماندانى ئىدى. ئەيياد ئىبنى غەنەم ئاتلىق قوشۇنغا، شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنە بولسا، پىيادە قوشۇنغا باش ئىدى. بۇ ئارىدا، ئەبۇ ئۇبەيدە قول ئاستىدىكى قوماندانلاردىن زىل قەلانى بىر تۈمەن ئەسكەرگە باش قىلىپ، دەمەشق بىلەن ھىمس شەھەرلىرى ئارىسىغا ئەۋەتتى. بۇ بىر تۈمەن ئەسكەر بىزانسلارنىڭ شامغا شىمالدىن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى قوشۇننىڭ ئالدىنى توسۇيتتى. ئۇندىن باشقا، ئەبۇددەردا باشچىلىقىدىكى بىر تۈمەن ئەسكەرنى دەمەشققە يېقىن يەردىكى بارزا دېگەن جايغا ئەۋەتىپ، ۋاقتى كەلگەندە شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان ئىسلام قوشۇنىغا ئارقا تەرەپتىن ياردەم قىلىشقا قويۇپ قويدى.
ئەبۇ ئۇبەيدە دەمەشقنىڭ فەتھىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەھەرنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىش ۋە مەلۇمات ئىگەللەش مەقسىتىدە قوشۇندىن ئۈچ نەپەر ئەسكەرنى تاللاپ شەھەرگە ئەۋەتتى. بۇلاردىن بىرى، شۇنداقلا بۇ ئۈچىنىڭ باشلىقى بولغان ئەبۇ ئۇمامە ئەل باھىلى بولۇپ، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى قانداق ئورۇندىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«يولغا چىقىپ، خېلى ماڭغاندىن كېيىن يېنىمدىكى بىرىگە ئەپلىك بىر يەرنى تېپىپ بۆكتۈرمىدە يېتىشىنى بۇيرىدىم. يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، يەنە بىرىنىمۇ بۆكتۈرمىگە قويۇپ ئۆزەم يالغۇز شەھەر دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلدىم. كېچە بولغاچقا، دەرۋازىلارنىڭ ھەممىسى تاقاقلىق ئىدى. ئېتىمدىن چۈشۈپ، نەيزەمنى يەرگە سانجىدىم، ئاندىن ئاتنىڭ يۈگىنىنى چىقىرىپ، يەم خالتىسىنى بېشىغا ئېسىپ قويدۇم ۋە ئۆزەم بىر تەرەپتە يانپاشلاپ ياتتىم. تاڭ ئاتقاندا، تاھارەت ئېلىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم. دەل شۇ ۋاقىتتا، دەرۋازا غىچىرلاپ ئېچىلدى. ئوقتەك ئېتىلىپ بېرىپ، دەرۋازىدىن ئىچىگە كىردىم ـ دە، نەيزەم بىلەن نۆۋەتچىنى ئۆلتۈردۈم، ئاندىن ئېتىمغا مېنىپ ئۇ يەردىن ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يىراقلاشتىم.
ئەمما دۈشمەن چارلىغۇچىلىرى پېشىمدىن قوغلاپ كەلدى.
بىرىنچى بۆكتۈرمىگە كەلگەندە، بۆكتۈرمىدىكى ئەسكەر تۇرغان يېرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋىدى، دۈشمەنلەر بۇ يەردە چوڭ بىر قوشۇننىڭ بۆكتۈرمىدە بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ دەرھال كەينىگە قايتتى. ئاندىن مەن ئۇ ئەسكەر بىلەن بىللە، ھولۇقماي ـ تېنىمەي يولىمىزغا چۈشتۇق ۋە يەنە بىر ئەسكەرنىمۇ ئېلىپ قارارگاھقا قايتتۇق. ئەبۇ ئۇبەيدەگە بولغان ئىشلارنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇ شامنىڭ فەتھى ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل خەلىپىنىڭ تەلىماتلىرىنى كۈتتى. كۆپ ئۆتمەي، خەلىپىدىن شەھەرگە يۈرۈش قىلىش توغرىلىق ئەمر كەلدى. ئەبۇ ئۇبەيدە بەشىر ئىبى كەئەبنى بىر توپ ئاتلىق قوشۇنغا باش قىلىپ يەرمۇكقا جايلاشتۇرۇپ، ئۆزى قوشۇننى باشلاپ شامنى قورشاۋغا ئالدى.»
مۇسۇلمانلار دۈشمەنلىرىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئاز بولسىمۇ، ئېلىپ بارغان ھەر بىر ئۇرۇشتا (دىللىرىدىكى كۈچلۈك ئىمان سايىسىدا) دۈشمەنلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. ئۇلۇغ ساھابە ئەبۇ ئۇمامەمۇ ئەنە شۇ كۈچلۈك ئىمانى بىلەن ئۆزى يالغۇز شام دەرۋازىسىغىچە يېتىپ باردى. دۈشمەننىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كېچىنى ھېچقانداق خەۋپسىرىمىگەن، ھولۇقمىغان ھالدا يانپاشلاپ يېتىپ ئۆتكۈزدى. ئەتىگەن سەھەردە، ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارىتىنى ئالدى ۋە نامىزىنى ئوقۇدى. ئاندىن دۈشمەن نۆۋەتچىسىنى بىر ئۇرۇش بىلەن يەرگە يىقىتىپ، قارارگاھقا بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنداشنىڭ خۇشنۇدلىقىدا قايتتى.
ئەنە شۇ مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋرەنمەس ئىمانى، غەيرەت ـ شىجائىتى، جاسارەت ۋە پىداكارلىقى سايىسىدا رۇملارنىڭ يۈرەكلىرى جىغىلداپ، خەلقى ۋەھىمە ئىچىدە لاغ ـ لاغ تىترەپ، ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىرى ساڭگىلاپ، روھى چۈشۈپ كەتكەنىدى. چۈنكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىغىچە بېسىپ كىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشتى. ئۇلار يالغۇز بىر مۇسۇلمانمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن ھۇجۇم ۋە تالاپەت دەپ بىلەتتى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى مۇنداق دەپ بىلەتتى: مۇسۇلمانلار دۈشمىنىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئېغىر زەربە بېرىدۇ، ئاندىن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىخىرامان قايتىپ كېتىدۇ.
ئىسلام قوشۇنى شامغا يۈرۈش قىلىپ، ئالدى بىلەن (شەھەرگە يېقىن يەردىكى) ئەل غۇتا دەپ ئاتالغان باغۇ ـ بوستانلىق ۋە ئېكىنزالىققا كىردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئالدى بىلەن شامنىڭ ئوزۇق ـ تۈلۈك تەمىنلەيدىغان يېرىنى ئىگەللەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن قارشىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. قوشۇن شەھەرگە شەرق تەرەپتىن يېقىنلىشىپ، شەھەرنى ئالدىن بەلگىلەنگەن پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە قورشاۋغا ئالدى. ئوتتۇرا قىسىمغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان خالىد ئىبنى ۋەلىد شەھەرنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدىن قەيسەن دەرۋازىسىغىچە بولغان سېپىل ئەتراپىنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇ يەردىن شەھەرنىڭ جەنۇبىغىچە قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان كىچىك دەرۋازىدىن قەيسەن دەرۋازىسىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆلچەۋاتاتتى. ئەبۇ ئۇبەيدە بولسا، غەرب تەرەپتىن جابىيە دەرۋازىسىغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن كىچىك دەرۋازىغىچە بولغان ئارىلىقنى قورشاۋغا ئالدى.
قوشۇننىڭ سول قانىتى شەھەرنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئايلىنىپ قورشاۋغا ئالدى. ئەمر ئىبنى ئاس قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى باشلاپ توماس دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلدى. شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنە بابۇل فەرادىس ۋە بابۇس سالام دەرۋازىلىرىنى كونترول ئاستىغا ئالدى. شام مانا مۇشۇ شەكىلدە بىر قانچە ئايغىچە قورشاۋغا ئېلىندى. ھېراكلىيۇس شەھەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قوشۇننىڭ خەلققە يېتىپ بېرىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قىش مەۋسۈمى يېتىپ كەلگەچكە، ھاۋا بارا ـ بارا سوۋۇشقا باشلىغانىدى.
بۇنداق شارائىتتا، تەۋەككۈل قىلىپ ئۇرۇشقا كىرىش بەكمۇ خەتەرلىك ئىدى. دەل شۇ كۈنلەردە، شەھەر پاترىئارخىنىڭ بىر ئوغلى تۇغۇلدى. بوۋاقنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا بەكمۇ سۆيۈنگەن پاترىئارخ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چوڭ زىياپەت تەييارلاپ، ئەسكەر ۋە خەلقتىن ناھايىتى كۆپ كىشىنى تەكلىپ قىلدى.
مېھمانلار ئۇ كېچىسى ھەددىدىن زىيادە ئىچىپ، ئويۇن ـ تاماشا قىلغاچقا، مەست بولۇپ، قاتتىق چارچاپ كەتتى. شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان قوشۇننىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى خالىد ئىبنى ۋەلىد ئەتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ تاكتىكا ئۇرۇشلىرىغا پوتەيدە تۇرۇپ قارشىلىق بىلدۈرىدىغان دۈشمەن سانىنىڭ ئاز ھەم زەئىپلىكىدىن شۈبھىلىنىپ، خەۋەرچىلەر ئارقىلىق شەھەر ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى.
خالىد ئۆزىمۇ كېچىلىرى ئاساسى جەھەتتىن ئۇخلىماي، خەۋەرچىلەرگە باش بولۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلاتتى ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن خەۋەرلەرگە قاراپ ئەھۋالنى مۇلاھىزە قىلاتتى. سېپىلغا يامىشىش شارائىتىنىڭ پىشىپ ـ يېتىلگەنلىكىنى چۈشەنگەن خالىد قوشۇننىڭ كەئكە ئىبنى ئامىر ۋە مەئزۇر ئىبنى ئادىيغا ئوخشاش سەرخىل قوماندانلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم سىگنالى بەردى ۋە ئۇلارغا: «سېپىل ئۈستىدىن بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، سېپىلغا يامىشىڭلار!» دەپ ئەمر بەردى.
ئاندىن ئۆزىنىڭ ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە، ھاۋا قاچىلانغان تۇلۇملارنى بويۇنلىرىغا ئېسىپ، سېپىلنىڭ سىرتىكى سۇ تولدۇرۇلغان خەندەكلەرنى ئۈزۈپ ئۆتۈشكە باشلىدى. دەمەشق (شام) شەھىرىنىڭ شىمالى تەرىپىدىن باشقا ھەممە تەرىپىگە سېپىل تېمىنىڭ چۆرىسىنى ئايلاندۇرۇپ خەندەك كولىنىپ، سۇ بىلەن تولدۇرۇلغانىدى. شەھەرنىڭ شىمالى تەرىپىدىن بەرادا دەرياسى ئېقىپ ئۆتكەچكە، بۇ دەريا تەبىئى شەكىلدە باشقا تەرەپلەردىكى خەندەكلەرنىڭ رولىنى ئوينايتتى. چۈنكى، شەھەرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى سېپىللار دەريا قىرغىقىغا پاراللېل قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، باشقا تەرەپتىكى سېپىللارغا قارىغاندا ئەگرى ـ بۈگرى ئىدى.
نىھايەت، خالىد ياردەمچىلىرى بىلەن بىرلىكتە سېپىل تۈۋىگە يېقىنلىشىپ، شوتىلارنى سېپىل پەشتاقلىرىغا يۆلەپ يۇقىرىغا ياماشتى. دۈشمەنلەرنى ئالاقزادە قىلىش ئۈچۈن، پوتەيگە چىقىپلا يۇقىرى ئاۋازدا تەكبىر ئېيتىشقا باشلىدى. ئاندىن دەرھال سېپىلنىڭ ئىچىگە سەكرەپ چۈشۈپ، دەرۋازا ئالدىدىكى نۆۋەتچىلەرنى ئۆلتۈردى ۋە دەرۋازىنى ئېچىۋەتتى. بۇ قاناتتىكى قوشۇن شەھەرگە خۇددى كەلكۈندەك ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى.
خالىد ئالدىغا چىققان دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى قىلىچى بىلەن چېپىپ يۈرۈپ، قوماندانلىقىدىكى قوشۇن بىلەن شەھەر مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى. شەھەر چوڭلىرى قورقۇپ، قىلىچتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن باشقا دەرۋازىلارغا قاراپ قېچىشقا باشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى ۋە شەھەرنىڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئوچۇقچە ئېلان قىلىشاتتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قورالنى تاشلاپ، تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشىنى تەلەپ قىلىشتى.
شۇ چاغدا، ئىسلام قوشۇنىنىڭ باشقا قوماندانلىرىمۇ ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ، شەھەرنىڭ باشقا دەرۋازىلىرىدىن قورال ئىشلەتمىگەن ھالدا كىرىپ كەلدى. ئەمما، خالىد خەلقنىڭ باشقا دەرۋازىلاردىن ئۆزلىرى ئۈچۈن پاناھلىق تەلەپ قىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز قولىدىن تېخى قورالىنى تاشلىمىغانىدى. ئۇنىڭغا: «بىزدىن تىنچلىق تەلەپ قىلدى ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ بىزگە تەسلىم بولدى. بۇ قىلمىشىڭ توغرا ئەمەس» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
ئەمما ئۇ: «مەن شەھەرگە قوشۇنۇم بىلەن مەجبۇرىي بېسىپ كىردىم» دەپ تۇرۇۋالدى ۋە قىلىچى بىلەن داۋاملىق ئادەم چېپىۋەردى. ئەڭ ئاخىرى، باش قوماندان ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى توختىتىشىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. قوماندانلار بىر ـ بىرى بىلەن (ھازىرقى ئەل مەناھىلىييە دەپ ئاتىلىدىغان قەلەيچىلەر بازىرىغا يېقىن يەردە) ئۇچراشتى. شۇنىڭ بىلەن، شەھەر پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىندى. ئۇ كۈنى، ھىجرەتنىڭ ئون تۆتىنچى يىلىنىڭ رەجەپ ئېيى بولۇپ، يەرمۇك جېڭىدىن دەل بىر يىل ئۆتكەنىدى. شەھەر مۇھاسىرىسى بىر نەچچە ئاي داۋاملاشتى.
دەمەشقنىڭ فەتھىدىن كېيىن، ھەزرىتى ئۆمەر باش قوماندان ئەبۇ ئۇبەيدەگە خەۋەر يوللاپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىراقتىن كەلتۈرۈلگەن قوشۇننى خالىد ئىبنى ۋەلىد بىلەن قايتا ئىراققا ئەۋەتىشىنى بۇيرىدى. بۇ قوشۇنلار ئىران تەرەپتە جىھاد قىلىۋاتقان ئىسلام قوشۇنىغا ياردەمچى بولاتتى. خەلىپە بۇ قوشۇننىڭ ھاشىم ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس قوماندانلىقىدا ھەرىكەتلىنىشى ھەققىدە تەلىمات بەردى.
ئۇندىن باشقا، ئەبۇ ئۇبەيدە يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفياننى دەمەشققە، شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنەنى ئىئوردانىيەگە، ئەمر ئىبنى ئاسنى پەلەستىنگە، يەنى بۇ قوماندانلارنى بۇرۇن ئەۋەتىلگەن يەرلەرگە قايتا ۋالى قىلىپ تەيىنلىدى.
دەمەشق ۋالىسى يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان (ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن) دەھيا ئىبنى خەلىپەنى تەدمۇر خەلقىگە، ئەبۇ زەھرا ئەل قۇشەيرىنى ھاۋرانغا ئەۋەتىپ، بۇ ئىككى شەھەر خەلقىنى تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى. ئىسلام قوشۇنى دەمەشقنى فەتىھ قىلىشقا ماڭغاندا، ھاۋراننىڭ غەربىدىكى مەرجۇس سەفەر دېگەن يەردىن ئۆتىدىغان يولدىن ماڭغان بولسىمۇ، ھاۋرانغا يولۇقۇپ ئۆتمىگەچكە، ھاۋران خەلقى بىلەن تېخى تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈلمىگەنىدى.
بەقەئە ۋەقەسى
ئۇندىن سىرت، ئەبۇ ئۇبەيدە خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىقىدىكى بىر بۆلەك قوشۇننى بەقەئەگە ئەۋەتكەنىدى. خالىد بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندە، (ھازىرقى زەھرۇل بەيدار دېگەن يەردە) سىنان ئىسىملىك قومانداننىڭ باشچىلىقىدىكى بىر بۆلەك بىزانس قوشۇنى مۇسۇلمانلارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن مەيسۇن بۇلىقى دېگەن يەردە بىر مۇنچىلىغان مۇسۇلمان ئەسكەر شېھىت بولدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۇ يەر شېھىتلەر بۇلىقى دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، خالىد يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بەقەئەنىڭ شىمالىدىكى بەئەلبەق دېگەن يەرگە يېتىپ باردى ۋە ئۇ يەرنىڭ خەلقى بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىغا قاتتى.
مارجۇررۇم ئۇرۇشى ۋە ھىمسنىڭ فەتھى
ئەبۇ ئۇبەيدە شەخسەن ئۆزى بىر بۆلەك قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، شىمالغا قاراپ سەپەرگە چىقتى ۋە زىت تەلا دېگەن يەرگە يېتىپ كەلدى. بۇ يەر، ھارىزقى ئەل كادىفەگە يېقىن سەنىييەتۇل ئۇقابنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئىدى. دەل شۇ يەردە، ئەبۇ ئۇبەيدەگە بىزانس ئىمپېراتورى ھېراكلىيۇسنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە پاترىئارخ تېئودور قوماندانلىقىدا قوشۇن ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر يېتىپ كەلدى.
بىزانس قوشۇنى دەمەشقنى قۇتۇلدۇرۇش خىيالىدا مارجۇررۇمغا (ھازىرقى لىۋاندا ساببۇرا رايونى دەپ ئاتىلىدىغان يەر) قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئەبۇ ئۇبەيدە قوشۇننى باشلاپ تېئودور قوماندانلىقىدىكى قوشۇنغا قارشى يۈرۈش قىلدى. خالىد بولسا، بىزانس قوشۇنىنى ئارقا تەرەپتىن قورشىدى ۋە ئۇرۇش باشلاندى. رۇم لەشكەرلىرىدىن (ئاندا ـ ساندا قېچىپ قۇتۇلغانلىرىدىن باشقا) ھېچكىم ساق قالمىدى. تېئودورنى خالىد ئۆلتۈردى.
ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇندىن باشقا شىنەس ئىسىملىك بىر پاترىئارخ بىلەن توقۇنۇشتى ۋە ئۇنى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ھىمسقا قاراپ قاچتى، ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇلارنى قوغلاپ كەتتى. خالىد تېئودورنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ كەينىدىن ھىمسقا قاراپ يولغا چىقتى. ھىمسقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئىككىسى بىرلىشىپ شەھەرنى قورشاۋغا ئالدى. قورشاۋ يەنە ئۇزۇنغىچە داۋام قىلدى. قىش مەۋسۈمى كەلدى ۋە ھاۋا قاتتىق سوغۇق بولۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ، مۇسۇلمانلار سەۋرچانلىق كۆرسىتىپ، قاتتىق بەرداشلىق بەردى. قىش سوغۇقى سەل بوشاپ قالغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار مۇھاسىرىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. شەھەر ئاھالىسى بەرداشلىق بېرەلمەي، يۇرت چوڭلىرىنى مۇسۇلمانلارغا تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىدى. شۇنىڭ بىلەن، دەمەشق ئەھدىنامىسىگە ئوخشاش بىر ئەھدىنامە تۈزۈلدى. زېمىن باجغا باغلاندى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولغانلارمۇ جىزيە تۆلەيدىغان بولدى. ئەبۇ ئۇبەيدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ زەپەرلەرنىڭ خۇشخەۋىرىنى خەلىپىگە يەتكۈزۈش ۋە يىغىۋېلىنغان غەنىمەتلەرنىڭ بەشتىن بىرىنى دۆلەت خەزىنىسىگە يوللاش مەقسىتىدە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنى مەدىنىگە ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەبۇ ئۇبەيدە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ھېراكلىيۇس مەسىلىسى ھەققىدىكى پىكىر ۋە تەلىماتلىرىنىمۇ كۈتۈۋاتاتتى. خەلىپىدىن ئۇنىڭغا (بولۇپمۇ ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ) ھىمستا تۇرۇشى ھەققىدە بۇيرۇق كەلدى.
قىننەسرىنىڭ فەتھى
باش قوماندان ئەبۇ ئۇبەيدە ھىمسنىڭ فەتھىدىن كېيىن، خالىد ئىبنى ۋەلىدنى بىر بۆلەك ئەسكەرگە قوماندان قىلىپ قىننەسكە ئەۋەتتى. خالىد شەھەرنى قورشاپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشتى ۋە تالاپەتكە ئۇچرىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەبۇ ئۇبەيدەدىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولدى. كېيىنچە، قەتئىي بوشاشماي ئۇرۇش قىلىپ شەھەرنى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇ، ھىجرەتنىڭ ئون بەشىنچى يىلى ئىدى. سۈرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۇ ئىلگىرىلەش دېڭىز ساھىلىدىكى يەرلەردە (بۇندىن بۇرۇن ئېيتىپ ئۆتۈلگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن) كۆرۈلمەيۋاتاتتى. شۇ سەۋەب بىلەن، پەلەستىن ئەمىرى ئەمر ئىبنى ئاس مۇسۇلمانلارنىڭ ساھىل قىسىملاردا ئىچكى قىسىملاردىكى ئىلگىرىلەشلەرگە پاراللېل شەكىلدە ئالغا ئىلگىرىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، جەنۇبقا قاراپ شىددەت بىلەن يۈرۈش قىلدى.
بۇ ئەھۋالدا، باش قوماندانلىق مەركىزىمۇ ئىچكى قىسىمدىن ساھىلغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، بۇ رايوننى بىر ـ بىرىدىن ئايرىپ، پارچە ـ پارچە ھالغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ يەرلەرنىڭ فەتھىنى ئاسانلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبتىن يولغا چىققان ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئالدىغا چىقىدىغان توسالغۇلارنى يوقىتىپ، ۋەزىيەتنى ياخشى تەرەپكە بۇرىشى لازىم ئىدى.
شۇنداق قىلغاندا، بىزانسلارنىڭ جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان لەشكەرلەرنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىپ، بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدلىرى پۈتۈنلەي يوققا چىققان بولاتتى. مانا بۇ، ئىچكى قىسىملاردىن ساھىل تەرەپلەرگە قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان قوشۇننىڭ نىشان ۋە مەقسىدى ئىدى.
شۇڭا، خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى قەيسەرىيەگە قاراپ ھەرىكەتلىنىشكە بۇيرىدى. ئۇنىڭغا ئۇ يەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شۇ يەردە قېلىپ ئەمىرلىك قىلىشىنىمۇ تاپىلىدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇئاۋىيەگە ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى: «سېنى قەيسەرىيەگە ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدىم. بۇ شەھەرگە دەرھال يۈرۈش قىل ۋە ئۇ يەرنى فەتىھ قىلىش ئۈچۈن اﷲ تىن ياردەم ۋە زەپەر تىلىگىن!
يۈرۈش قىلغان ۋاقتىڭدا مۇنۇ دۇئانى پات ـ پات ئوقۇپ تۇرغىن: “لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھىل ئەلىييىل ئەزىم (اﷲ تائالا بىزنىڭ رەببىمىز، ئىشەنچ مەنبەئىمىز، ئۈمىدىمىزدۇر. اﷲ نېمە دېگەن ئۇلۇغ ئىگە ۋە نېمە دېگەن چوڭ ياردەمچىدۇر!؟)»
مۇئاۋىيە خەلىپىنىڭ ئەمرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قەيسەرىيەگە قاراپ يۈرۈش قىلدى ۋە شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالدى. تەسلىم بولۇشنى قوبۇل قىلمىغان دۈشمەن قوشۇنى بىلەن بىر نەچچە قېتىم توقۇنۇشتى. ئەڭ ئاخىرى، دۈشمەن قوشۇنىدىن 80 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئاندىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى ۋە قەيسەرىيەنى فەتىھ قىلدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، بىزانس قوشۇنى مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنىمۇ يوقىتىپ قويغان بولدى.
قەيسەرىيەنىڭ فەتھىدىن كېيىن، خەلىپە ئەمر ئىبنى ئاسقا ئىلىيا (قۇددۇس) شەھىرىنى فەتىھ قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى.
ئەجنادەيننىڭ فەتھى
ئامىر ئىبنى ئەل ئاس ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تەلىماتى بويىچە ئەجنادەينگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇ يەر فەلۇغەگە (ھازىرقى لىۋاندا سۇ ئارشاڭلىرى بىلەن تونۇلغان ساياھەت يېرى) يېقىن بىر يەر بولۇپ، پەلەستىنگە ئۆتىدىغان ناھايىتى مۇھىم سىتراتېگىيىلىك ئورۇن ئىدى. بۇ يەردە بىزانسلارنىڭ ئارتابون ئىسىملىك بىر قومانداننىڭ باشچىلىقىدىكى خېلى چوڭ قوشۇنى ساقلاپ تۇراتتى. بىزانسلارنىڭ بۇندىن باشقا، رامەللا ۋە قۇددۇستىن ئىبارەت ئىككى ئايرىم رايونىدىمۇ ئەسكىرى كۈچى بار ئىدى.
ئامىر ئىبنى ئەل ئاس ئارقا تەرەپتىن ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، قوشۇننى تەڭشەپ رامەللا ۋە قۇددۇسقا مەلۇم ساندا ئەسكەر ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى يەردىكى بىزانس قوشۇنىنى ئاۋارە قىلىپ تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئارتابون قوشۇنىغا ياردەمگە كېلىشىنى توسۇپ تۇرۇشىنى كۆزدە تۇتقانىدى. شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەجنادەيننىڭ فەتھى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى. بۇ ئارىدا، دىپلوماتىك كۆرۈشۈشلەرمۇ قويۇقلىشىپ كەتتى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئەلچىلەر توختىماي بېرىپ ـ كېلىپ يۈرەتتى. بۇ ئەھۋال، تېتىك ۋە زېرەك ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ كۆڭلىگە پەقەتلا ياقمىدى ۋە ئۆزى بىر پىلان تۈزدى. ئۇ كىملىكىنى يوشۇرۇپ، ئۆزىنى ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ ئەلچىسى قىلىپ كۆرسىتىپ ئارتابوننىڭ ئالدىغا بارماقچى بولدى. دەرۋەقە، شۇنداق قىلىپ ئەجنادەينگە يېتىپ باردى ۋە ئارتابوننىڭ ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىندى. ئەمما ئارتابون ئالدىدىكى بۇ زاتنىڭ ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى سەزگەندەك بولدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ كىشى ئەڭ بولمىغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر، يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىسى ئىدى.
ئارتابون ئۆز ـ ئۆزىگە: «مەن ھەرقانچە قىلساممۇ، مۇسۇلمانلارغا بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈشتىنمۇ چوڭ زىيان سالالمايمەن» دېدى ۋە بىر سۇيىقەست بىلەن ئەمر ئىبنى ئاسنى يوقاتماقچى بولۇپ، خاس ئادەملىرىدىن بىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇنى ئەمرنىڭ قايتىش يولىدا بۆكتۈرمە قىلىپ يېتىشىنى ۋە ئەمر قايتقاندا دەرھال ئۆلتۈرۈشىنى بۇيرىدى. شۇنداق قىلغاندا دىپلوماتىك قائىدىلەرگە ئوچۇق ـ ئاشكارە خىلاپلىق قىلمىغان بولاتتى. ئەمما، ئەمر ئۆزىنىڭ زېرەك ئەقلى بىلەن ئارتابوننىڭ يامان نىيىتىنى بىلىپ قالدى. ئۇمۇ بۇ ئىشقا قارشىلىق بىر ھىيلە ئويلاپ چىقىشى كېرەك ئىدى. ئەمر ئىبنى ئاس ئارتابوننىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ: «جانابلىرى! بىز بىر ـ بىرىمىزنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىدۇق ۋە چۈشىنىش ھاسىل قىلدۇق. ئەمما مەن ھەزرىتى ئۆمەر ساڭا ئەۋەتكەن ئون كىشىلىك ھەيئەتتىن بىرىمەن. ئەمدى ماڭا رۇخسەت قىلساڭ، مەن بېرىپ قالغان توققۇز نەپەرنىمۇ ئېلىپ كېلەي.
ئۇلارمۇ كېلىپ سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلاپ باقسۇن، بۇ ئىشنى شۇ يول بىلەن ھەل قىلايلى!» دېدى.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئارتابوس بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ چوقۇم ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىغا تولۇق قانائەت ھاسىل قىلىپ، بەكمۇ سۆيۈنۈپ كەتكەنلىكىدىن بۇ تەكلىپنى دەرھال قوبۇل قىلدى ۋە ئەمرنى ئۇزىتىپ قويۇپ. ئاندىن بۆكتۈرمىگە ياتقۇزۇپ قويغان ئادىمىنى ئۇ يەردىن ياندۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەمر ئىبنى ئاس ئۆزى ئۈچۈن پىلانلانغان سۇيىقەستتىن ساق ـ سالامەت قۇتۇلۇپ قالدى. ئارتابون بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن: « ۋاي ئېسىت! بۇ ئادەم مېنى ئالداپتۇ. قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئادەم ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى ئىكەن» دەپ قاتتىق پۇشايمان قىلدى.
بۇ ئىش ئۆمەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغاندا، ھەم ئەمرنىڭ ئەقلىگە ھەيران قالدى ھەم بۇ مۇھىم ئادىمىنى يوقىتىپ قويمىغانلىقى ئۈچۈن بەكمۇ سۆيۈنۈپ: «ياشاپ كەت، ئەي ئەمر!» دەپ ئۆزىچە ئۇنى ماختاپ كەتتى.
كېيىن، ئەجنادەيندە يەرمۇكتىكىگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار بىلەن بىزانسلار ئارىسىدا قانلىق جەڭ يۈز بەردى. مۇسۇلمانلار ئاخىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ ئەجنادەينگە بېسىپ كىردى ۋە بەيتۇل مەقدەسكە قاراپ ئىلگىرىلىدى.
قۇددۇسنىڭ فەتھى
مۇسۇلمانلار قوشۇنى سۈرىيەدە بىزانسلارنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشلىرىگە دۇچ كېلىۋاتاتتى. شۇڭا، ئايرىم ـ ئايرىم يۆنىلىشلەردە ئۇرۇش قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار قوشۇنى بەزىدە بىر يەرگە يىغىلىپ بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كېلەتتى.
مەسىلەن، قۇددۇس فەتھىدىمۇ شۇنداق بولدى. باش قوماندان ئەبۇ ئۇبەيدە دەمەشققە سەئىد ئىبنى زەييىدنى ئەمىر قىلىپ تەيىنلەپ، بەيتۇل مەقدەسنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ۋە خەلقىنى تەسلىم بولۇشقا قىستاش ئۈچۈن يولغا چىقتى.
قۇددۇس خەلقى خەلىپىنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش شەرتى ئاستىدا شەھەرنى مۇسۇلمانلارغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى خەلىپىگە يەتكۈزدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئاۋۋال ساھابىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالماقچى بولدى. ھەزرىتى ئەلى خەلىپىنىڭ بېرىشىنى مۇۋاپىق كۆردى، ئەمما، ھەزرىتى ئوسمان بۇ پىكىرگە قوشۇلمىدى. نەتىجىدە، ھەزرىتى ئۆمەر ھەزرىتى ئەلىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئورنىغا ئۇنى نائىب قىلىپ قويغاندىن كېيىن، يېنىغا ھەزرىتى ئابباسنى ئېلىپ قۇددۇسقا قاراپ يولغا چىقتى.
ئەبۇ ئۇبەيدە، خالىد ئىبنى ۋەلىد ۋە يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى قوماندانلار جابىيە دېگەن يەردە ھەزرىتى ئۆمەرنى كۈتۈۋالدى. ئۆمەر جابىيەدىن بەيتۇل مەقدەسكە يېتىپ باردى ۋە خرىستىئانلار بىلەن كېلىشتى، ئەمما، بىزانسلارنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە شەھەردىن چىقىپ كېتىش شەرتىنى قوشۇپ قويدى. قۇددۇس فەتىھ قىلىنىغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئۆمەر مەسجىدى ئاقساغا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىراج كېچىسى كىرگەن ئىشىكىدىن) كىرىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ناماز ئوقۇدى. ئاندىن قۇببەتۇس سەھراغا كىردى ۋە بەيتۇل مەقدەسنىڭ قىبلە تەرىپىگە مەسجىد (بۇ ھازىرھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مەسجىدى دەپ بىلىنىدۇ) سالدۇردى.
قۇددۇس تەلتۆكۈس فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، ھەرقايسى قوماندانلار ئۆزلىرى ئەسلىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان يۆنىلىشلەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ھىمس شەھىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق فەتھى
ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ ھىمسقا قايتىپ بېرىشى بىلەن تەڭ بىزانس قوشۇنلىرى شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالدى. جەزىرە خەلقىمۇ ئۇلارغا قېتىلغانىدى. ئەبۇ ئۇبەيدە قوماندانلىق ھەيئەتلىرى بىلەن شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ بىزانسلارغا قارشى مەيدان ئۇرۇشى قىلىش ياكى شەھەر ئىچىدە تۇرۇپ مۇداپىئەلىنىش كېرەكلىكى توغرىلىق مەسلىھەتلەشتى.
ھەيئەتلەر مۇداپىئەلىنىپ تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى، ئەمما، ئەبۇ ئۇبەيدەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىر بۆلەك ئەسكەرنى باشلاپ قىننەسرىندىن يېتىپ كەلگەن خالىد شەھەر سىرتىغا چىقىپ ئۇرۇشۇش پىكرىدە چىڭ تۇردى.
لېكىن، ئەبۇ ئۇبەيدە كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ ئەھۋالنى خەلىپىگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن خەۋەر يوللىدى. سۈرىيەنىڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن فەتىھ قىلىنغان ھەر بىر شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى پەقەت شۇ يەرنىڭ تىنچ ـ ئامانلىقىنى ۋە ھۈكۈمەتنى قوغداپ تۇرۇشقىلا يېتەتتى. شۇڭا، ھەممىسى ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئەگەر يېڭى فەتىھ قىلىنغان بۇ شەھەرلەردىن ئەبۇ ئۇبەيدەگە ياردەمچى قوشۇن كەلسە، ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئامانلىقى بۇزۇلۇپ، تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يەر ـ بۇ يەرلەردە توپلىشىۋاتقان بىزانس قوشۇنلىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەتەر ھېسابلىناتتى. مۇسۇلمان قوشۇنىنىڭ ئازلاپ قالغانلىقىنى كۆرگەن شەھەر خەلقىنىمۇ بىرەر چاتاق چىقىرىپ قويمايدۇ دېگىلى بولمايتتى. بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتقان ھەزرىتى ئۆمەر ئىراقتا تۇرۇۋاتقان سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسقا مەكتۇب يوللاپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قەئقە ئىبنى ئامىرنى دەرھال ھىمسقا ياردەمچى قوشۇن قىلىپ ئەۋەتىشىنى، ئۇندىن باشقا، ئەيياد ئىبنى غەنەم قوماندانلىقىدىكى بىر بۆلەك قوشۇننى بىزانسلارغا ياردەمچى بولۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان جىزرە خەلقىنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىشىنى بۇيرىدى. بۇ بۇيرۇققا بىنائەن، كۇفەدىن قەئقە ئىبنى ئامىر قوماندانلىقىدىكى تۆت مىڭ كىشىلىك قوشۇن ھىمسقا، ئاياد ئىبنى غەنەم قوماندانلىقىدىكى يەنە بىر بۆلەك قوشۇن جىزرەگە قاراپ يولغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزى شەخسەن بىر بۆلەك ئەسكەرگە قوماندانلىق قىلىپ، ئەبۇ ئۇبەيدەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەدىنىدىن يولغا چىقتى.
ھىمسنى قورشىۋالغان بىزانس قوشۇنلىرىغا ياردەم بېرىشكە ئۇرۇنغان جەزىرە ئاھالىسى ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال ھىمسنى تاشلاپ، يۇرتلىرىغا قايتتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزانس قوشۇنىغا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ شەخسەن قوماندانلىقىدا بىر بۆلەك قوشۇننىڭ ئەبۇ ئۇبەيدەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېتىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يەتكۈزۈلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بىزانس قوشۇنى ئىچ ـ ئىچىدىن تۈگىشىپ كەتتى، كۈنسېرى تېخىمۇ زەئىپلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ ئەھۋالنى سەزگەن خالىد ئىبنى ۋەلىد ئەمدى سېپىل سىرتىغا چىقىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇنىڭ تەكلىپى قوبۇل قىلىندى ۋە مۇسۇلمانلار اﷲ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن دۈشمەنلەرنى يەڭدى. كۇفەدىن ياردەمگە كېلىۋاتقان قەئقەنىڭ قوشۇنلىرىمۇ بۇ ۋاققىچە تېخى كېلىپ بولالمىغانىدى. مۇسۇلمانلار ھىمستا غەلىبە قازىنىپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئاندىن يېتىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئۆمەر جابىيەدە بولۇپ، ئۇرۇش ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بۇ يەردە ئالدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلىرىمۇ باشقا جەڭچىلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇرۇش غەنىمەتلىرىدىن ئۆز نېسىۋىلىرىنى ئالدى. بۇندىن باشقا ھالەپ، مەنبىج ۋە ئانتاكيا خەلقلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى تۈزۈلدى.
جەزىرە (جىزرە) نىڭ فەتھى
كۇفەدىن يولغا چىققان ئەيياد ئىبنى غەنەم قول ئاستىدىكى قوشۇننى باشلاپ جەزىرەگە يېتىپ بېرىپ، ھارران، رەھا ۋە رەققا قاتارلىق يەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىلەن ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى تۈزگەندىن كېيىن، ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئارىنى نۇسەيبىنگە، ئەمر ئىبنى سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسنى رەسۇل ئەينگە ئەۋەتتى. ئۆزىمۇ دارا غا يۈرۈش قىلىپ، بۇ يەرنى ئىشغال قىلدى.
ئاندىن ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاسنى ئەرمەنىيە گە يوللىدى. ئوسمان دەسلەپ بۇ يەر خەلقى بىلەن ئۇرۇش قىلدى. كېيىن ئاھالە بېشىغا بىر دىناردىن جىزيە تۆلەيدىغانغا كېلىشتى.
سۈرىيە ساھىللىرىنىڭ فەتھى
ئامىر ئىبنى مالىك قارقىيسانى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، ھىت خەلقى بىلەن ئەھدىلىشىپ، جىزيە تۆلەشكە كېلىشتى. بۇ ۋاقىتلاردا يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان ئىنىسى مۇئاۋىيەنى قوشۇن تۇرشاۋۇللىرىغا باشچى قىلىپ سۈرىيە ساھىللىرى (ھازىرىقى لىۋان تۇپراقلىرى) غا ئەۋەتتى. ئۇ باش قوماندان ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ ئەمرى بىلەن ئاق دېڭىز ساھىلىدىكى سۇر، سەيدا، بېرۇت، ئاركا (ھازىر يوق) ۋە ترابلۇس قاتارلىق يەرلەرنى فەتىھ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سۈرىيەنىڭ پۈتۈن زېمىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولدى.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مۇسۇلمانلار بۇنچە فەتىھلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا ناھايىتى چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۈزدى. يەنى مۇسۇلمانلار فەتىھ قىلىپ بولغان يەرلەرنى بىر باشتىن تولۇق تازىلاپ چىقمىدى. ئۇلار كېيىنكى كۈنلەردە، بۇ يەرلەردىن بىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى چىقىپ، سۈرىيەنى تەكرار مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش كويىدا يۈرگەن بىزانسلارغا ياردەمچى بولىدىغان كىشىلەرنى تېپىپ چىقىپ، تەلتۆكۈس يوقىتالمىدى.
مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىچە، بۇ يەرلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ھاكىمىيەت ۋە كۈچ مەركىزى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ دەپ ئويلاشقانىدى. چۈنكى بۇندىن بۇرۇن كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇسۇلمانلار ئاۋۋال ئىچكى قىسىملارنىڭ فەتھى بىلەن مەشغۇل بولغانىدى. بۇ يەرلەر ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەرىكەت يۆنىلىشى بولۇپ، مەدىنە بىلەن ئالاقىلىشىشمۇ ئاسان ئىدى. ئىشنىڭ ئەجەپلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، مۇسۇلمانلار (باش قوماندانلىرىنىڭ ئەمرى بىلەن) دېڭىز قىرغاقلىرىدا بىزانسلارنىڭ بىر مۇنچىلىغان كېمە ۋە ئارمىيىسى بولغان لىۋاندىن ھەردائىم يىراق تۇرۇشقا تىرىشتى. دەل شۇ چاغلاردا، بىزانس دېڭىز ئارمىيىسى بۇ ساھىللاردا ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا تېخى دېڭىز ئارمىيىسى يوق ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى چۆلدە ياشىغاچقا، كۆپىنچىسى تېخى دېڭىزنىمۇ كۆرۈپ باقمىغانىدى. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ شۇنداق دېڭىز كۆرۈپ باقمىغانلاردىن بىرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ساھىللارنىڭ يېرىم ئارالدىكى تاغلىق رايونلىرىنىمۇ ئۆز كونتروللىقىغا ئالماي، پەقەت تۆپىلىكلەرنىڭ ئەتراپىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش بىلەنلا بولدى قىلدى.
مۇسۇلمانلار بۇ يەرلەردىكى نوپۇسنىڭ شالاڭلىقىغا قاراپ، ئۇلاردىن ئۆزلىرىگە ھېچقانداق خېيىم ـ خەتەر كەلمەيدىغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھۆكمىگە مەجبۇرىيي بويۇن ئېگىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەچكە، كۆڭۈللىرىدە ھېچقانداق ئەندىشە تۇيغۇسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يەرلەرنىڭ ئاھالىسى بەكمۇ يوقسۇل، زېمىنلىرى ئۈنۈمسىز ئىدى.
بۇ خاتالىق ئەندۇلۇس فەتھىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. ئۇ يەردىمۇ تاغلىق رايون خەلقلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا ئەڭ چوڭ بالا ـ قازا بولۇپ، ئۇزۇندىن مەزگىل ھاكىمىيەت سۈرۈپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى پۈتۈنلەي تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. سۈرىيە ساھىللىرىدىكى (لىۋان) مانا بۇ خاتالىقلارنىڭ دەردىنى تاكى بۈگۈنلەرگىچە تارتماقتىمىز!
ئىسلام فەتىھ ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئۇ كۈنلەردە، بىزانسلارنىڭ ساھىللاردىكى قوشۇنلىرىنى كۆرگەن لىۋاننىڭ تاغلىق ئاھالىلىرى دەرھال ئۇلارغا قېتىلىپ، ياردەملىشىشكە باشلىدى. مانا شۇ سەۋەبتىن، بىزانسلىقلار (بۇ يەردە) جىددىي ئېھتىياجلىق پەيتلەردە دەرھال چاقىرىپ كېلەلەيدىغان بىر قوشۇننىڭ بارلىقىنى ھېسابقا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۇپراقلارنى چوقۇم قايتۇرۇۋېلىش ئۈمىدىدە يۈرگەنىدى.
رۇملار ئۆز ھېسابىغا كىرگۈزۈپ قويغان يەنە بىر كۈچ بار بولۇپ، بۇ ـ ئىسلام قوشۇنلىرى بىزانسلارنى سۈرىيەدىن قوغلاپ چىقارغاندا، بىزانسلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، شۇنداقلا خرىستىئانلاشقان غەسسان، تەنۇھ، ئەياد، لەھم، جۇزام، ئامىلە، قىندە، قەيس ۋە قىنانە قاتارلىق قەبىلىلەرمۇ بۇ تۇپراقلاردىن چېكىندى. بۇ قەبىلىلەر بىزانسلارنىڭ بۇ تۇپراقلارنى شۇنداقلا تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى، بەلكى بىر كۈنلىرى چوقۇم قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى ئويلاپ يۈرەتتى. بۇ يەرلەردە، بۇ قەبىلىلەرنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرى ۋە بىرمۇنچىلىغان ھەقەمسايىلىرىمۇ بار ئىدى. مانا بۇ ئامىللار، بىزانسلارنىڭ بۇ تۇپراقلارغا قايتا كىرىش جاسارىتى ۋە ئۈمىدىنى ئاشۇرۇپ تۇراتتى.
دەرۋەقە، مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بىزانسلار لىۋان ساھىللىرىنىڭ بىر قىسمىنى قايتا ئىگەللىۋالدى. ئەمما كۆپ ئۆتمەي يەنە قوغلاندى. مۇسۇلمانلارنىڭ جۇرجۇملاردىن ئەسكىرىي ئىشلاردا پايدىلانماقچى بولۇشى (مۇسۇلمانلارنىڭ) بۇ ۋاقىتلاردا ئۆتكۈزگەن يەنە بىر خاتالىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇرجۇملار جۇرجۇما دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەر ئانتاكيانىڭ شىمالىدىكى ئامانوس تېغىنىڭ يېنىدىكى بىر شەھەر ئىدى. بۇ يەردە جۇرجۇملارنىڭ بىر دۆلىتى بار بولۇپ، پايتەختى ماراش ئىدى. بۇلار ھېتىتلارنىڭ كېيىنكى نەسىللىرى دەپ پەرەز قىلىنماقتا. ئانتاكيالىقلار سۈرىيەنىڭ فاتىھى (فەتىھ قىلغۇچى) ۋە مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئامىر ئەل جەرراھ بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزمەكچى بولدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان جۇرجۇملار ئالاقزادە بولۇپ، بىزانس تۇپراقلىرىغا كۆچۈشكە باشلىدى. ئەمما مۇسۇلمانلار بۇ ئىشقا بەكمۇ سەل قارىدى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، ئانتاكيالىقلار ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسۇلمانلار بۇ شەھەرنى ئىككىنچى قېتىم فەتىھ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئەبۇ ئۇبەيدە جۇرجۇملارغا قارشى يۈرۈش قىلىشقا تەييارلانغان ھەبىب ئىبنى مەسلەمەنى بۇ يەرگە ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى.
جۇرجۇملارغا كەلسەك، بۇلار پات ـ پات مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز مەنپەئەتلىرىگە قاراپ يول تۇتاتتى. مەسىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە مۇسۇلمانلارغا، ئۈستۈنلۈك بىزانسلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن چاغلاردا بىزانسلارغا ياردەم قىلاتتى. بۇ ئەھۋال بىزانسلارنى ئۈمىدلەندۈرۈپ، سۈرىيەنى قايتۇرۇۋېلىش جاسارىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتەتتى. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ مەزگىللەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسكەرگە ئېھتىياجى بارئىدى. ئۇلار جۇرجۇملارنىڭ ئەسكىرىي تەربىيە كۆرگەن، ئۇرۇشقا ماھىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەچكە، ئۇلاردىن ئەسكىرىي ياردەم ئالماقچى ۋە پايدىلانماقچى بولدى. لېكىن ئۇلار ھەققە ئىمان ئېيتمىغانلىقى ئۈچۈن ئىشىنىشكە قەتئىي بولمايتتى. چۈنكى ئۇلار پەقەت ئۆز مەنپەئەتلىرىنىلا ئويلايتتى. شۇڭا، ئۇلار بەزىدە رۇملارغا بولۇشسا، بەزىدە مەۋقەسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ مۇسۇلمانلار تەرەپتە تۇراتتى. بۇ يەرلەر مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، جۇرجۇملار پارچىلىنىپ ئەتراپتىكى تاغلىق رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى. ئەمما ئۇلار دۆلەت ۋە كېيىنكى نەسىللەر ئۈچۈن يەنىلا ئەڭ چوڭ خەتەر بولۇپ كەلدى. ئۇلار تاكى ھازىرقى زامانغا قەدەر بىر يۈرۈش ئاجايىپ ئېتىقادلار بىلەن ياشاپ كەلمەكتە.
مىسىرنىڭ فەتھى
سۈرىيە تەلتۆكۈس فەتىھ قىلىندى. ئەمر ئىبنى ئاس پەلەستىننى ئىسلام تۇپراقلىرىغا قاتقاندىن كېيىن، مىسىرغا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ھەزرىتى ئۆمەردىن ئىجازەت سورىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىش بىلەن بىرگە، زۇبەير ئىبنى ئاۋام قوماندانلىقىدىكى بىر بۆلەك ئەسكەرنى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ياردەمچى قوشۇن قىلىپ ئەۋەتتى. بۇ قوشۇندا زۇبەيردىن باشقا بەشىر ئىبنى ئەرتارا، خارىجە ئىبنى خۇزافە ۋە ئۇمەير ئىبنى ۋەھب ئەل جەھمى قاتارلىق قوماندانلارمۇ بار ئىدى.
ئىككى تەرەپ چوڭلىرى (ئاۋۋال كۆرۈشۈش ئۈچۈن) مىسىرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئۇچراشتى. مىسىر ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئەبۇ مەريەم ئىسىملىك بىر مەسئۇل خادىم بىلەن ئەبۇ مىيام ئىسىملىك بىر پوپ مۇسۇلمانلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلگەنىدى.
بۇلارنى مىسىر پادىشاھى (ياكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مىسىر ئۆلكىسىدىكى ۋەكىلى) مۇقەۋقەس ئىسكەندەرىيەدىن ئەۋەتكەنىدى. ئەمر ئىبنى ئاس ئۇلارنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە مۇسۇلمان بولۇش، جىزيە تۆلەش ياكى ئۇرۇشۇش قاتارلىق ئۈچ ئىشتىن بىرنى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. مىسىر ۋەكىللىرى ئۇنىڭدىن مۆھلەتنى ئۇزارتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمر ۋاقىتنى پەقەت بىر كۈنلا ئۇزارتىپ بەردى. مىسىرلىقلار مۇسۇلمان بولۇشنى ياكى جىزيە تۆلەشنى قوبۇل قىلمىدى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش باشلاندى. مىسىرلىقلار يېڭىلىپ، بەك كۆپ چىقىمغا ئۇچرىدى. بۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەردىن بىرى سۈرىيەدىن مىسىرغا قاچقان ۋە مىسىرلىقلارنى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا كۈشكۈرتكەن، بىزانسلارنىڭ مەشھۇر قوماندانى ئارتابون ئىدى.
مۇسۇلمانلار ئەين شەمسنى مۇھاسىرىگە ئالدى. زۇبەير ئىبنى ئاۋام سېپىلغا چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدى. زۇبەيرنىڭ سېپىلغا چىققانلىقىنى كۆرگەن خەلق ئالاقزادە بولۇشۇپ، ئەمر ئىبنى ئاس كىرىشكە ئۇرۇنىۋاتقان دەرۋازا تەرەپكە قاراپ قېچىشقا باشلىدى. ئەمما زۇبەير كۆپ ئۆتمەي شەھەرگە بېسىپ كىرىپ، ئامىر كىرمەكچى بولۇۋاتقان دەرۋازىغىچە يېتىپ كەلدى. خەلق ئىلاجىسىزلىقتىن ئەمر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. ئەھدىنامىگە زۇبەير ئىمزا قويدى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن، پۈتۈن مىسىر خەلقى مۇسۇلمانلارغا تەسلىم بولۇپ، تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. چۈنكى، ئەين شەمس ئەتراپلىرىغا ئەۋەتىلگەن ئابدۇللاھ ئىبنى خۇزافە فۇستاتتىكىگە ئوخشاش بۇ يەرلەرنى ۋە ئەتراپ يېزىلارنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ بولغانىدى.
بۇ يەر فەتىھ قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمر ئىبنى ئاس مۇقەۋقەس تۇرۇۋاتقان ئىسكەندەرىيەگە بىر بۆلەك ئەسكەرنى ئەۋەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىشى بىلەن مۇقەۋقەس چارىسىزلىقتىن جىزيە تۆلەش شەرتىنى قوبۇل قىلىپ ئەھدىلەشتى. ئەمر ئىبنى ئاس بۇ يەرگە ئابدۇللاھ ئىبنى خۇزافەنى ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى.
ئەمر ئىبنى ئەل ئاسنىڭ قارارگاھى قۇرۇلغان يەرگە فۇستات شەھىرى بەرپا قىلىندى. ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ چېدىرى قۇرۇلغان يەرگە جامىئە (بۇ جامىئە ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە)، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۆيلەر سېلىنىش ئارقىلىق فۇستات شەھىرى پۈتتۈرۈلدى. بۇ يەرنىڭ فەتھىدىن كېيىن، ئەمر ئىبنى ئاس خەلىپىنىڭ ئەمرى بويىچە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ سەرخ باشچىلىقىدىكى قوشۇننى سەئىد رايونىغا ئەۋەتتى. ئابدۇللاھ بۇ يەرنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى شۇ يەرنىڭ ئىدارىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى.
ئەمر يەنە خارىجە ئىبنى خۇزەفەنى فەييۇم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا، ئۇمەير ئىبنى ۋەھب ئەل جىمھىنى دىمياتقا ئەۋەتتى. خارىجە فەييۇمنى ئىشغال قىلدى، ئۇمەيرمۇ دىمياتنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن يەرلىك خەلق بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزدى.
مىسىر فەتىھ قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمر ئىبنى ئاس غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ ئاۋۋال بەرقەنى ئىشغال قىلدى ۋە خەلقى بىلەن ئەھدىنامە تۈزدى. زۇۋەيلا تەرەپكە ئەۋەتكەن ئۇقبە ئىبنى نافىمۇ ئۇ يەرلەرنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، ئەن نەۋبە تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئەمر ئىبنى ئەل ئاس ترابلۇسنى (لىۋىيەنىڭ ھازىرقى پايتەختى بېيرۇتنىڭ ئورنى) بىر ئاي مۇھاسىرىگە ئالدى ۋە ئۇ يەرنى ئىشغال قىلىپ بولۇپلا، سابراتا ۋە شۇرۇست شەھەرلىرىنىمۇ قولغا كىرگۈزدى. ئەمما خەلىپە ئۇنىڭغا مەكتۇب يوللاپ، غەربكە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىنى توستى.
شەرقىي سەپلەرنىڭ ئەھۋالى
ئىران خەلقى ئۆز ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتەرگەننىڭ ئۈستىگە، ئوردىنىڭ ئىچىدىمۇ غەليان بېسىقمايۋاتاتتى. خالىد ئىبنى ۋەلىد بىزانسلارغا قارشى يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن قول ئاستىدىكى قوشۇننى ئىراقتىن سۈرىيەگە ئېلىپ ماڭدى. پارسلار بۇ يەرلەردە مۇسۇلمانلارنى ئازلاپ كەتتى دەپ قاراپ، بىر پۇرسەت تېپىپ ئىراقتا قېلىپ قالغان مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قوزغاشنى ۋە (ئۆز خىياللىرىدا) مۇسۇلمانلارنى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلاپ يۈرەتتى.
پارس شاھى شەھىرىيار ئەنە شۇ ئۈمىدتە ئەل مۇسەننا ئىبنى ھارىسە ئەش شەيبانى قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتتى. ئەمما، ئۆزلىرى باشلىغان بۇ ئۇرۇشتا پارسلار قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئىراق سېپىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئەل مۇسەننا ئىبنى ھارىسە ئۆز ۋاقتىدا (بۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى تېخى ھايات ئىدى) مەدىنىدىن ياردەمچى قوشۇن تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ جاۋابى كېچىككەنىدى. چۈنكى، خەلىپە ئۇ كۈنلەردە سۈرىيە سېپىدىكى قوشۇنلار بىلەن مەشغۇل ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەل مۇسەننا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئورنىغا بەشىر ئىبنى ئەل ھاسساسىيەنى قوماندان سايلاپ قويۇپ، ئۆزى مەدىنىگە باردى. ئۇ مەدىنىگە يېتىپ بارغان ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سەكراتتا بولۇپ، ئورنىغا ھەزرىتى ئۆمەرنى خەلىپە قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئەل مۇسەننا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئۆمەرگە مۇنداق بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلدى: «ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، كۈن كەچ بولۇشتىن بۇرۇن خەلقنى ئەل مۇسەننا بىلەن ئىراققا بېرىشقا چاقىرغىن! ئاندىن، ئەگەر اﷲ سۈرىيەدىكى قوشۇنلىرىمىزغا سۈرىيەنى فەتىھ قىلىشنى مۇيەسسەر قىلسا، سەن خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ قوشۇنىنى دەرھال ئىراققا قايتۇرغىن! چۈنكى ئۇلار بۇ يەرلەرنىڭ شارائىتىنى بىلگەچكە، ئۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بارالايدۇ.»
دەرۋەقە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى كۆز يۇمغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئۆمەر دەرھال خەلقنى ئىراققا بېرىشقا چاقىردى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى مەسئۇد ئەس ساقافىنى بۇ قوشۇنغا قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى. چۈنكى، بۇ زات چاقىرىققا بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز قوشقان ئىدى. ئەمما ئۇ ساھابە ئەمەس ئىدى. شۇنى بىلىپ قېلىش لازىمكى، ھەزرىتى ئۆمەر ساھابە بولمىغانلارنى ئىدارىي ۋە ئەسكىرىي ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىمەيتتى.
ئەمما ھەزرىتى ئۆمەردىن ئۇنىڭ ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى مەسئۇد ئەس ساقافىنى نېمە ئۈچۈن قوماندان قىلىپ قويغانلىقى سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەنىدى: «مەن ھەر زامان چاقىرىققا بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز قوشقانلارنى باشلىق قىلىپ تەيىنلەيمەن. سىلەر (ساھابىلەرنى دېمەكچى) ئىسلام دەۋىتىنى ھەممىدىن بۇرۇن قوبۇل قىلغان ئادەمسىلەر. شۇڭا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرگە سىلەرنى تەيىنلەيمەن. بۇ زات، بۇ جىھاد چاقىرىقىغا تۇنجى بولۇپ ئاۋاز قوشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىراققا ئەۋەتىلىدىغان قوشۇننىڭ قوماندانى قىلىپ تەيىنلىدىم.
» ئاندىن، ھەزرىتى ئۆمەر ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى مەسئۇدنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭ اﷲ نىڭ شەرىئىتىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلماسلىقىنى ، ئۆز ئەمرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى ۋە ھەر دائىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىش قىلىشىنى تاپىلىغاندىن كېيىن، قوشۇننى ئىراققا ئۇزىتىپ قويدى.
قوشۇن ئىراققا مېڭىپ بولغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئۆمەر سۈرىيەدىكى باش قوماندان ئەبۇ ئۇبەيدە ئەمر ئىبنى ئەل جەرراھ خەۋەر يوللاپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىراقتىن كېلىپ مۇسۇلمانلار سېپىگە قېتىلغان خالىد ئىبنى ۋەلىد قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى ئىراققا قايتۇرۇشىنى بۇيرىدى. ئەبۇ ئۇبەيدە شامنىڭ فەتھىدىن كېيىن، ئەمرگە بىنائەن بۇ قوشۇننى ھاشىم ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس قومانلىقىدا ئىراققا قايتۇردى.
ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئۆمەر تۆت مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇننى جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل بىجەلى قوماندانلىقىدا ياردەمچى قوشۇن قىلىپ ئىراققا ئەۋەتتى. بۇ قوشۇن كۇفەگە قاراپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىزلا پارسلارنىڭ بىر بۆلەك قوشۇنى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئىككى قوشۇن سەپ تارتىپ ئۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتى. پارسلار ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، تىرىپىرەن بولدى ۋە ئۆزلىرىنى دەرياغا ئاتتى.
نەمارىق ئۇرۇشى
پارس قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى رۇستەم ئىراققا يېتىپ كەلگەن ئەبۇ ئۇبەيدە قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا قارشى ناھايىتى چوڭ بىر قوشۇن ئەۋەتتى. ئىككى قوشۇن نەمارىق دېگەن يەردە ئۇچراشتى. بۇ يەر ھىرە بىلەن قادىسىيە ئارىسىدىكى بىر ماكان ئىدى. ئەل مۇسەننا ئىبنى ھارىسە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى. پارسلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، كەسكەرگە قاراپ قاچتى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ ماڭدى. پارس قوشۇنلىرىغا ياردەمچى قوشۇن كەلگەن بولسىمۇ، ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇلارغا يېتىشىپ يەنە بىر قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. شۇنىڭ بىلەن پارسلار مەدائىنغا قېچىپ بېرىۋېلىپ ئاران قۇتۇلدى.
ئەل جىسر ئۇرۇشى
پارسلار نەمارىق ۋە باشقا يەرلەردە مۇسۇلمانلارغا تەڭ كېلەلمەي، باش قوماندان رۇستەمنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىشقا باشلىدى. رۇستەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە يەنە شۇنداق چوڭ بىر قوشۇن ئەۋەتتى. پارسلارنىڭ ئىككى تۇغى بولۇپ، بىرى خىسراۋنىڭ، يەنە بىرى فەرىدۇننىڭ ئىدى. پارسلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئۇچراشقان يەردە بىر كۆۋرۈك بار ئىدى. پارسلار ئىككى تەرەپتىن بىرىنىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى. ئىسلام قوشۇنىدىكى مۆتىۋەرلەر قوماندان ئەبۇ ئۇبەيدەگە: «ئۇلارنىڭ بۇ تەرەپكە ئۆتۈشىنى تەكلىپ قىل!» دەپ پىكىر بەردى. ئەمما ئەبۇ ئۇبەيدە: «ئۇلار بىزگە ئوخشاش ئۆلۈمدىن قورمايدىغانلاردىن ئەمەس، شۇڭا بىز ئۇ تەرەپكە ئۆتەيلى!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسلام قوشۇنى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ پارسلارنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ناھايىتى شىددەتلىك جەڭ باشلاندى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتلىرى پارسلارنىڭ پىللىرىدىن ئۈركۈشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن قوماندان ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى مەسئۇد ئەس ساقافى ئەسكەرلىرىگە: «ئاۋۋال پىللارغا ھۇجۇم قىلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلدى. ئەسكەرلەر ئۇرۇشنى بۇيرۇق بويىچە داۋاملاشتۇردى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئۆزىمۇ ناھايىتى يوغان بىر پىلغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ خورتۇمىنى كېسىپ تاشلىدى. ئېغىر يارىلانغان بۇ پىل جان ئاچچىقىغا چىدىماي ئېچىنىشلىق چېقىراپ كېلىپ، ئەبۇ ئۇبەيدەنى دەسسەپ ئۆلتۈرىۋەتتى.
ئەبۇ ئۇبەيدەدىن كېيىن، ئىسلام قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بىر نەچچە قوماندانمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن شېھىت بولدى.
ئۇلاردىن كېيىن، ئەل مۇسەننا ئىبنى ھارىسە ئەش شەيبانى قوماندان بولدى.
بۇ ۋاققىچە، مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئاجىزلاپ، كەينىگە چېكىنىشكە تەمشەلدى. شۇ ئارىدا، سەپ بۇزۇلۇپ مۇسۇلمانلار كۆۋرۈككە قاراپ قېچىشقا باشلىدى، كۆۋرۈك ئۇنچە كۆپ ئادەمنى كۆتۈرەلمەي چۆكۈپ كەتتى. بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان پارسلار ناھايىتى كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرىۋەتتى. مۇسۇلمانلاردىن بىر قىسمى ئۆلتۈرۈلدى، يەنە بىر قىسمى دەريادا تۇنجۇقۇپ ئۆلدى. قوماندان ئەل مۇسەننا بىر بۆلەك جەڭگىۋار ئەسكەرگە باشچىلىق قىلىپ، پارسلارنىڭ ئۇر ـ چاپلىرىغا قارشى تۇردى ۋە بىر تەرەپتىن كۆۋرۈكنىڭ قايتا ياسىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. كۆۋرۈك قايتا ياسالغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان قوشۇننى قارشى تەرەپكە ساق ـ سالامەت ئۆتكۈزىۋالدى.
بۇ ئۇرۇش ھىجرەتنىڭ ئون ئۈچىنچى يىلى، شەئبان ئېيىدا يەنى يەرمۇك جېڭىدىن قىرىق كۈن كېيىن بولۇپ ئۆتتى. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن، پارسلار ئوردا غەليانىغا قايتىدىن كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار باش قوماندانلىقتىن ئېلىپ تاشلانغان رۇستەمنى قوماندانلىق ئورنىغا قايتا كەلتۈردى ۋە ئۇنىڭغا فەيرۇزان ئىسىملىك بىرىنى مۇئاۋىن قىلىپ قويدى. ئەمما پارس قوشۇنلىرى پۈتۈن سەپ بويىچە مەدائىنغا قاراپ چېكىنىۋاتاتتى. ئۇلاردىكى بۇ چۈشكۈنلۈكنى سەزگەن ئەل مۇسەننا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كەينىدىن ئىز قوغلاپ ماڭدى ۋە ئۇلارغا يېتىشىپ ئۆزىگە قارشى چىقماقچى بولغان قوشۇننىڭ ناھايىتى كۆپ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ باشقا سەپلەردىكى مۇسۇلمانلاردىن ياردەمچى قوشۇن تەلەپ قىلدى. ياردەمچى قوشۇن بىلەن تەڭ، مەدىنىدىن يولغا چىققان جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل بۇجەلى قوماندانلىقىدىكى قوشۇنمۇ يېتىپ كەلدى.
ئەل بۇۋەيب ئۇرۇشى
پارسلار مۇسۇلمانلارغا ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ چوڭ قوشۇن بىلەن مۇسۇلمانلارغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئىككى قوشۇن كۇفە يېنىدىكى ئەل بۇۋەيب دېگەن يەردە ئۇچراشتى. بۇ قېتىم يەنە قايسى قوشۇننىڭ قارشى تەرەپكە ئۆتۈشى ھەققىدە مەسلىھەت قىلىندى. ئەل مۇسەننا پارسلارنىڭ بۇ تەرەپكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلدى. پارسلار بۇنى قوبۇل قىلىپ قارشى تەرەپكە ئۆتتى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يەنە قانلىق جەڭ ئېلىپ بېرىلدى ۋە مەجۇسىييلارنىڭ سېپى چۇۋۇلۇپ كېتىپ، بىر قىسمى ئۆلتۈرۈلدى، يەنە بىر قىسمى دەريادا تۇنجۇقۇپ ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسۇلمانلار ئەل جىسردىكى ئۆچىنى بۇ يەردە ئېلىۋالغاننىڭ ئۈستىگە، ناھايىتى كۆپ غەنىمەتكە ئېرىشتى. پارسلارنىڭ قوماندانى مېھرانمۇ بۇ ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنىدى. تارىخ ــ ھىجرەتنىڭ ئون ئۈچىنچى يىلى، رامىزان ئېيى ئىدى.
ئەل بۇۋايب ئۇرۇشى پارسلارنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋەتتى. ساسانىيلار ئىمپېراتورلۇقىنىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرى تەخت تالىشىش ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە پىكىر بىرلىكى بىلەن شەھىرىيارنىڭ ئوغلى يەزدىگىردنى تەختكە چىقاردى ۋە بۇ قارارنى ئىمپېراتورلۇقنىڭ ھەممە تەرىپىگە ئېلان قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا، مۇسۇلمانلارغا تەسلىم بولغان بەزى مەجۇسىيي يۇرتلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قايتا جاسارەتلەندى ۋە ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ يۇرتلارنىڭ چېگرالىرىغا جايلاشقان مۇسۇلمانلار ئەھۋالنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ھەزرىتى ئۆمەرگە بىلدۈردى.
شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئۆمەر خەلقنى جىھادقا چاقىردى ۋە ھەزرىتى ئەلىنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا نائىب قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن، يېنىغا ھەزرىتى ئوسمان ۋە باشقا ساھابىلەرنى ئېلىپ، ئۆزى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ مەدىنىدىن يولغا چىقتى.
سىرار جىلغىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى سەپكىچە بېرىشىنىڭ توغرا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئويلىشىش ئۈچۈن مەسلىھەت كومىتېتى قۇردى ۋە ھەزرىتى ئەلىنىمۇ بۇ ئىش ئۈچۈن چاقىرىپ كەلدى. ئابدۇرراھمان ئبنى ئەۋفتىن باشقا ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئالدىنقى سەپكە بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلدى.
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف خەلىپىگە مۇنداق دېدى: «ئەگەر دۈشمەن ئالدىدا ساڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، دۇنيانىڭ ھەممە تەرىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. شۇڭا، ئۇرۇشقا سېنىڭ ئورنۇڭغا باشقا بىرى بارسۇن، سەن مەدىنىگە قايتقىن!»
ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭ پىكرىنى مۇۋاپىق كۆردى. سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس قوشۇنغا قوماندان بولۇپ سايلاندى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا كېرەكلىك تەلىماتلارنى بەرگەندىن كېيىن، ئىراقتىكى قوشۇننىڭ قوماندانى ئەل مۇسەننا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھقا خەۋەر يوللاپ، ئۇلارنىڭ دەرھال سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتۈشىنى بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىراق سېپىدىكى قوشۇنلارنىڭ ھەممىسى سەئدنىڭ قوماندانلىقى ئاستىغا كىردى. ئەمما، ئەل مۇسەننا ئۇرۇشلاردىن قېلىپ قالغان يارىسى پۈتۈن بەدىنىگە تاراپ كېتىپ، سەئد ئالدىنقى سەپكە بارغىچە ۋاپات بولدى.
ئىراق سېپىدىكى بارلىق قوشۇن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئەمرى بويىچە (سەئد بەلگىلىگەن مەلۇم بىر كۈنى) قادىسىيەگە توپلاندى. ئابدۇرراھمان ئىبنى رابىئە ئەل باھىلى قوشۇننىڭ قازىسى، سەلمان فارىسى ئىجرائىيە باشلىقلىقىغا (خەلىپە تەرىپىدىن) تەيىنلەندى. بۇ قوشۇندا ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق ساھابە بار بولۇپ، يەتمىشتىن ئارتۇقى بەدرى جېڭىغا قاتناشقان قەھرىمانلار ئىدى.
قوشۇن يولغا چىقىپ، ئۇزەيب دېگەن يەرگە كەلگەندە، بىردىنلا پارسلارنىڭ بىر بۆلەك قوشۇنى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى يېڭىپ، ناھايىتى كۆپ غەنىمەتنى قولغا كىرگۈزدى. بۇ ئۇرۇشلاردىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇسۇلمانلار ئىشغال قىلغان يەرلەرنى قايتا ـ قايتا ئاختۇرۇپ چىقماي، بەزى يەرلەرنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بۇ سەۋەب بىلەن، فەتىھ قىلىنغان بەزى يەرلەردە قېلىپ قالغان دۈشمەن قالدۇقلىرى مۇسۇلمانلارنى ئارقا تەرەپتىن ئاۋارە قىلاتتى ۋە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان پارسلار قايتا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مۇسۇلمانلارنى تاكى ئەڭ دەسلەپ ئۇرۇش بولغان يەرلەرگىچە چېكىندۈرەتتى.
قادىسىيە ئۇرۇشى
ئۇزەيب ئۇرۇشىدىن كېيىن، سەئد قوشۇنلىرىنى توپلاپ يولىنى داۋاملاشتۇردى ۋە نىھايەت قادىسىيەگە يېتىپ باردى. بۇ يەردە بىر ئاي ساقلىغان بولسىمۇ، پارسلاردىن ھېچقانداق تىۋىش چىقمىدى. پات ـ پات ئۇ ياق ـ بۇ ياقلارغا ئەۋەتكەن كىچىك قوشۇنلار غەنىمەتلەر بىلەن قايتىپ كېلەتتى. بۇ ئىشتىن، پارسلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان بەزى قەبىلىلەر بىزار بولۇشقا باشلىدى ۋە ئەھۋالدىن ئىمپېراتورلىرى يەزدىگىردنى خەۋەرلەندۈرۈپ، ئەگەر ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنى قوغدىمىسا، ھەممە نېمىلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارغا تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرىي بولىدىغانلىقىنى ياكى ئۇلار بىلەن ئەھدىنامە تۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مانا بۇ، يەزدىگىردنىڭ باش قوماندان رۇستەمنى ناھايىتى زور قوشۇن بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىشىگە سەۋەب بولدى.
گەرچە رۇستەم يەزدىگىردكە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى بۇ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلارغا بىرلا قوشۇن ئەۋەتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە، (مۇسۇلمانلارنى يېڭىش ئۈچۈن) ئارقا ـ ئارقىدىن قوشۇن ئەۋەتىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئىمپېراتور ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلماي، ئۇنى ئۇرۇشقا تەييارلانغان 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا قوماندان بولۇشقا زورلىدى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە شۇنچىلىك قوشۇن ئەۋەتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
رۇستەم قوشۇننى باشلاپ يولغا چىقتى ۋە سابات دېگەن يەرگە قارارگاھ قۇردى. بۇ كۈنلەردە، ئىراقتىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى سەئد خەلىپىنى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن ھەر كۈنى دېگۈدەك خەۋەردار قىلىپ تۇردى. رۇستەم قوشۇنى بىلەن مۇسۇلمانلارغا يېقىنلاپ كەلدى. سەئد قوشۇنىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەردىن بىر ھەيئەت قۇرۇپ، رۇستەمنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. بۇ ھەيئەتنىڭ ئىچىدە نۇئمان ئىبنى مۇقەررىن، مۇغىرە ئىبنى شەئبە، ئەل ئەشئاس ئىبنى قەيس، فۇرات ئىبنى ھەببان، ئۇتەرد ئىبنى ھاجىپ، ھەنزەلە ئىبنى ئەررابىئ ۋە ئامىر ئىبنى مادى يەكرەب قاتارلىقلار بار ئىدى. رۇستەم مۇسۇلمانلار ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلار ئالدىغا كەلگەندە:
ــ بۇ يەرگە نېمە مەقسەت بىلەن كەلدىڭلار؟ ـ دەپ سورىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدى بولمىغاچقا:
ــ بىز اﷲ نىڭ بىزگە ۋەدە قىلغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق. دۆلىتىڭلارنى ئىشغال قىلىمىز، بالا ـ چاقاڭلارنى ئەسىرگە ئالىمىز، مال ـ بايلىقىڭلارنى مۇسادىرە قىلىمىز. بۇنى چوقۇم قىلىمىز! ـ دەپ جاۋاب بەردى.
رۇستەم قوشۇنىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن سەئدنىڭ قادىسىيەدىن چېكىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ مەدائىندە تۆت ئاي كۈتكەنىدى. چۈنكى، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇشقا ماھىرلىقى ۋە پىداكارلىقىنى، تەرتىپ ـ ئىنتىزامچانلىقىنى ۋە ئەخلاقىي ـ پەزىلەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغاچقا، ئۇلاردىن بەكمۇ خەۋپسىرەپ تۇراتتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ چوقۇم غەلىبە قازىنىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى. مۇسۇلمانلار ھەيئىتىنىڭ تەھدىتلىك بۇ سۆزلىرى ئۇنى ۋە يېنىدىكى قوماندانلىرىنى تېخىمۇ چۆچۈتۈپ، تىزلىرىنى تىترىتىۋەتتى.
ئىككى قوشۇن بىر ـ بىرىگە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كېلىپ، ئاخىرقى تەييارلىقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، رۇستەم سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسقا ئەلچى يوللاپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك دەرىجىدە بىلىملىك بىرىنى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى. سەئد ئۇنىڭغا مۇغىرە ئىبنى شەئبەنى ئەۋەتتى. رۇستەم مۇغىرەگە:
ــ ماڭا قاراڭلار! سىلەر بىزنىڭ قوشنىمىز سىلەر. ئەينى ۋاقىتتا، بىز سىلەرگە كۆپ ياخشىلىق قىلغان ۋە سىلەرنى باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىغانىدۇق. ئۇنداق قىلماي قايتىپ كېتىڭلار! سىلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىڭلارنى ھەرگىز توسمايمىز! ـ دېدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان مۇغىرە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
ــ بىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمىز دۇنيا تىرىكچىلىكى ئەمەس، بەلكى بارلىق ئوي ـ خىيالىمىز اﷲ نىڭ رازىلىقىغا نائىل بولۇش ۋە مەڭگۈلۈك ئاخىرەت ھاياتىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت. ساڭا بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قويايكى، اﷲ بىزگە بىر ئەلچى ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
«مەن ساڭا ئىمان ئېيتقانلارنى دىنىمگە قارشى چىققانلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن ۋە بۇلار ئارقىلىق ئۇلاردىن ئۆچ ئالىمەن. مۇسۇلمانلارغا (ماڭا ئىشىنىپ، شەرىئىتىمگە مەھكەم ئېسىلسىلا) ھەردائىم زەپەر ۋە غەلىبە ئاتا قىلىمەن.»
بىز ئىمان ئېيتقان بۇ دىن ھەق ۋە مۇھەققەقتۇر.
كىم بۇ دىندىن يۈز ئۆرۈسە ياكى قوبۇل قىلمىسا، اﷲ ئۇنى چوقۇم رەسۋا قىلىدۇ. ئەگەر كىم ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلسا، چوقۇم ئۇلۇغ ۋە ئەزىز بولىدۇ.
بۇ دىنغا قىزىقىپ قالغان رۇستەم مۇغىرەدىن:
ــ بۇ دىنىڭلار قانداق دىن؟ ـ سورىدى. مۇغىرە ئۇنىڭغا ئىسلامنى:
ــ بۇ دىننىڭ ئاساسى پىرىنسىپىغا كەلسەك (بۇ پىرىنسىپ بولماي تۇرۇپ باشقا نەرسە توغرا بولمايدۇ)، ھەممىدىن ئاۋۋال اﷲ نىڭ ئىبادەتكە لايىق بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىگە، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ اﷲ نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ۋە اﷲ ئۇنىڭغا چۈشۈرگەن بارلىق ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىش، ئىمان ئېيتىشتۇر، ـ دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. رۇستەم:
ــ شۇنداقمۇ؟! ـ دەپ ئۆزىنىڭ ھەيرانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئاندىن:
ــ بۇندىن باشقا يەنە نېمىلەر بار؟ ـ دەپ سورىدى. مۇغىرە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
ــ ئىنساننى ئىنسانغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، يالغۇز اﷲ قا بويۇن ئېگىدىغان قىلىش، ئۇنى ئىنسان شەرىپىگە لايىق مەرتىۋىگە چىقىرىش….
بۇنى ئاڭلىغان رۇستەم تېخىمۇ ھەيران بولدى ۋە مۇغىرەنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۆتۈندى. مۇغىرە:
ــ ماڭا قاراڭلار! بارلىق ئىنسانلار ئادەم ئاتىنىڭ بالىلىرى. يەنى ئەسلىدە ھەممەيلەن بىر ـ بىرىمىزگە قېرىنداش بولۇپ، بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن كۆپەيدۇق، ـ دېدى.
رۇستەم مۇغىرەنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن شۇنداق تەسىرلەندى ۋە خۇشال بولدىكى، مۇغىرەنىڭ سۆزىنى كېسىپ مۇنداق دېدى:
ــ ئۇنداقتا، بىز مۇسۇلمان بولساق، بىز بىلەن ئۇرۇشماي، ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتامسىلەر؟ ـ دەپ سورىدى. مۇغىرە:
ــ ھەئە. قەسەم قىلىپ بېرىمەنكى، ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، بىز قايتىپ كېتىمىز ۋە تىجارەتكە ئوخشاش قانۇنلۇق ئىشلارنى قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق مەقسەت بىلەن زېمىنىڭلارغا قەدەم باسمايمىز، ـ دېدى. رۇستەم:
ــ ئۇنداقتا، بەك ياخشى! ـ دېدى.
بۇ سۆھبەتتىن كېيىن رۇستەم ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ، ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ (قاچانلا بولمىسۇن) چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆڭۈللىرى بۇ يېڭى دىنغا مايىل بولۇشقا باشلىغانىدى. دەرۋەقە، رۇستەم ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولماقچى بولغىنىنى يېنىدىكىلەرگە ئېيتىشتىنمۇ يانمىدى. ئەمما ئۇلار رۇستەمگە قاتتىق قارشىلىق بىلدۈردى. اﷲ تائالامۇ ئۇلارنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بەردى.
رۇستەم ۋە پارس ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم سەلتەنەت ۋە دەبدەبە قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆزىنى بوياش ۋە ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە قايىل قىلىش مەقسىتىدە، (رۇستەمنىڭ) چېدىرىنى ئالتۇن جىيەكلىك يىپەك توقۇلمىلار بىلەن قاپلىدى ۋە ئۈنچە ـ مەرۋايىت، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەپ چېدىرنى خۇددى زىننەت بويۇملىرى بىلەن لىق تولغان ھەشەمەتلىك سارايغا ئوخشىتىپ قويدى. رۇستەم ئالتۇندىن ياسالغان تەختكە چىقىپ ئولتۇردى، بېشىدا ناھايىتى قىممەت باھالىق تاج بار ئىدى. ئۇ سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسقا خەۋەر يوللاپ، يېڭىدىن بىر ئەلچى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى. سەئد بۇ قېتىم رەبىئ ئىبنى ئامىرنى ئەۋەتتى. ئىسلام قوشۇنىنىڭ بۇ ئەلچىسى كونا ۋە تىتىلىپ كەتكەن كىيىم كىيگەن، قولىدا ناھايىتى ئاددى قورال تۇتقان ۋە بەكمۇ ۋىجىك بىر ئاتقا مىنگەن ھالدا رۇستەمنىڭ چېدىرىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ چېدىرنىڭ سىرتىغىچە سېلىنغان يىيەك گىلەملەرنى چەيلىگەن پېتى كېلىپ، چېدىرنىڭ ئالدىدا ئاتتىن چۈشتى ۋە يىپەك گىلەمدىن بىرنى يىرتىپ ئېتىنى باغلىدى. ئاندىن قولىدا قورالىنى تۇتقان پېتى رۇستەمنىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ ماڭدى.
مۇھاپىزلار ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ:
ــ قورالىڭنى بۇ يەرگە قويۇپ ماڭ! ـ دېيىشتى. ئەمما ئۇ:
ــ مەن سىلەرنى ئۆزەم خالاپ زىيارەت قىلغىلى كەلمىدىم، بەلكى دەۋىتىڭلار بىلەن كەلدىم. ئۇنداق بولغانىكەن، ئالدىمدىن چېكىنىپ رۇستەم بىلەن كۆرشتۈرۈڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، مۇشۇ يەردىنلا قايتىپ كېتىمەن، ـ دەپ كەسكىن جاۋاب بەردى. مۇھاپىزلار ئۇنىڭ سۆزلىرىنى رۇستەمگە يەتكۈزدى. رۇستەم ئىلاجىسىز:
ــ قويۇپ بېرىڭلار، كەلسۇن! ـ دەپ ئەمىر بەردى.
ئەلچى رەبىئ ئىبنى ئامىر ھاسا ئورنىدا تۇتۇۋالغان نەيزىسىنىڭ ئۇچى بىلەن يىپەك گىلەملەرگە سانجىغان پېتى رۇستەمگە يېقىنلاشتى. رۇستەم ئۇنىڭدىن:
ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ بۇنىڭ ئەسلى سەۋەبى نېمە؟ ـ دەپ سورىدى. رەبىئ رۇستەمگە:
ــ اﷲ تائالا ئىنسانلارنى قۇلغا قۇل بولۇشتىن بىر ئۆزىگە قۇللۇق قىلىشىنى، دۇنيانىڭ خار ـ زەبۇنلىقىدىن ئازاد بولۇپ، راھەت ۋە خاتىرجەم ھاياتقا ئېرىشىشىنى، باتىل دىن ۋە ئېتىقادلارنىڭ جاپا ۋە زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئىسلامنىڭ ھەق ـ ئادالىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى خالايدىغان كىشىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىزنى ئەۋەتتى. اﷲ تائالا ھەق دىننى يېيىشىمىزنى بۇيرىدى، بىز شۇڭا خەلقلەرنى ھەق دىنغا دەۋەت قىلىۋاتىمىز. كىم دەۋەتنى قوبۇل قىلسا، بىز ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، ئۆز يۇرتىمىزغا قايتىمىز. ئەگەر كىم رەت قىلسا، اﷲ تائالا بىزگە ۋەدە قىلغان مۇكاپاتقا ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىمىز، ـ دېدى. رەبىئنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان پارس قوماندانلىق ھەيئىتى ئۇنىڭدىن:
ــ سەن دەپ ئۆتكەن مۇكاپات نېمە؟ ـ دەپ سورىدى. رەبىئ:
ــ دەۋىتىمىزنى رەت قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش يولىدا شېھىت بولغانلار بارىدىغان جەننەت ۋە ھايات قالغانلار ئېرىشىدىغان زەپەردۇر، ـ دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن رۇستەم ئۇنىڭغا:
ــ ئېيتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندىم. ھەم سىلەر ھەم بىز بۇ مەسىلىنى قايتا بىر ئويلىنىپ كۆرۈش ئۈچۈن بىزگە ئازراق مۆھلەت بېرەمسىلەر؟ ـ دەپ سورىدى. رەبىئ:
ــ ئەلۋەتتە! نەچچە كۈنلۈك مۆھلەت تەلەپ قىلىسىلەر؟ بىر كۈنمۇ، ئىككى كۈنمۇ؟ ـ دېدى. رۇستەم:
ــ ياق! بۇ ئىش مۇنداق ئاسان ھەل بولمايدۇ. بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئەركانلىرىگە خەۋەر يوللاپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشىمىز لازىم. شۇڭا، خېلى ئۇزۇن ۋاقىت مۆھلەت بېرىشىڭلار كېرەك! ـ دېدى. ئەمما رەبىئ بەكمۇ كەسكىن ۋە جىددى قىياپەتتە:
ــ بولمايدۇ! پەيغەمبىرىمىز بىزگە دۈشمەن قوشۇنى بىلەن قارىمۇ قارشى كەلگەن ۋاقىتتا، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق مۆھلەت بەرمەسلىكنى بۇيرىغان. بۇ مۆھلەت ئىچىدە ياخشىراق ئويلىنىپ مۇسۇلمان بولۇش، جىزيە تۆلەش ياكى ئۇرۇشۇشتىن بىرنى تاللاپ، قارارىڭنى بىزگە يەتكۈزگىن! ـ دېدى. رۇستەم نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانىدى. ئۇ رەبىئقا:
ــ سەن ئۇلارنىڭ باش قوماندانىمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. رەبىئ:
ــ ياق! ئەمما مۇسۇلمانلار بىر ۋۇجۇدقا ئوخشايدۇ. ئارىمىزدىكى ئاددى بىر كىشىنىڭمۇ مۇسۇلمانلار نامىدا پاناھلىق تىلىگەنلەرنى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە،- دەپ ئۇنى تېخىمۇ كەمسىتىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، رۇستەم ئۆز قول ئاستىدىكى قوماندانلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇلارغا:
ــ سىلەر ھاياتىڭلاردا بۇ ئادەمنىڭ سۆزىدىنمۇ ئېسىل، مەنىلىك ۋە ئەۋزەل سۆز ئاڭلاپ باقتىڭلارمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ:
ــ سەن ئۆز دىنىڭنى تاشلاپ، بۇ ئىتنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەكچى بولۇۋاتامسەن؟ شۇنىڭ تۇرقىغا بىر قاراپ بېقىپ گەپ قىلساڭ بولمامدۇ؟
ياكى سەن ئۇنى ئادەم قاتارىدا كۆرۈۋاتامسەن؟ ـ دەپ رۇستەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتى. ئەمما رۇستەم ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ ئۇنىڭ تۇرقى بىلەن سىلەرنىڭ نېمە كارىڭلار؟ سىلەر ئەسلىدە ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىگە، سۆزلىرىگە ۋە ئەخلاقلىرىغا ئوبدانراق سەپسېلىڭلار! سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەرەبلەر كىيىم ـ كېچەك ۋە يېمەك ـ ئىچمىكىگە ئەمەس، بەلكى نەسەبىگە ۋە دۇرۇستلىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
پارسلار قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقى ئۈچۈن ھەردائىم ۋاقىت ئۇتۇشقا تىرىشاتتى. دەرۋەقە، ئەتىسى يەنە مۇسۇلمانلارغا خەۋەر يوللاپ، يەنە بىر ئەلچى تەلەپ قىلدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق، مۇسۇلمانلاردىن باشقا ـ باشقا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش ئېتىقاد، پىكىر ۋە قارارغا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلىش، بۇ جەرياندا بىرەر يوچۇق چىقىپ قالسا، شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا تىرىشاتتى.
سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس بۇ قېتىم خۇزەيفە ئىبنى مېھساننى ئەۋەتتى. ئۇمۇ رەبىئنىڭ تاكتىكىسى بىلەن ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ قايتىپ كەتتى. ئەلچى تەلىپى ئۈچىنچى كۈنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى. سەئد مۇغىرە ئىبنى شەئبەنى ئەۋەتتى. رۇستەم بەكمۇ چارىسىز بولغاچقا، بۇ قېتىم ئاغزىنى بۇزۇپ مۇغىرەگە مۇنداق بىر ئورۇنسىز گەپ قىلدى:
«سىلەرنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزغا كېلىشىڭلارنى ھەسەلنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمىغان ھەرىگە ئوخشىتىمەن. ئۇ ھەرە شۇنداق ئاچكۆزكى، ئۆزىنى ئۇ ھەسەلگە يەتكۈزۈپ قويغانلارغا ئىككى دەرھەم بەرمەكچى بولىدۇ. ئەمما ھەسەلنىڭ ئۈستىگە قونۇشى بىلەن ئىچىگە پېتىپ قېلىپ چىقالمايدۇ ۋە ئۆزىنى بۇ يەردىن چىقىرىپ قويىدىغان بىرىنى ھەر قانچە كۈتسىمۇ، ھېچكىم كەلمەيدۇ. بۇ قېتىم ئۆزىنى كىم قۇتۇلدۇرۇپ قويسا، ئۇنىڭغا تۆت دەرھەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن يەنە ھېچكىمنى تاپالمايدۇ.
مەن سىلەرنى يەنە ئۈزۈم ئوغرىلاش ئۈچۈن باغقا كىرىپ، ئورەككە مۆكۈنىۋالغان ئورۇق تۈلكىگە ئوخشىتىمەن. باغ ئىگىسى ئۇنىڭ ئىسكەتسىز تۇرقىغا قاراپ ئىچ ئاغرىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا چېقىلمايدۇ. تۈلكە باغ ئىگىسىنىڭ بۇ مەرھەمىتىدىن پايدىلىنىپ ئۈزۈمنى خالىغانچە يەۋېرىدۇ ۋە بارغانسېرى سېمىرىپ، باغنى تىلغاپ ۋەيران قىلىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، باغ ئىگىسىنىڭ پوزىتسىيىسى ئۆزگىرىپ، ئادەملىرى بىلەن ئۇنى باغدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولىدۇ. ئەمما تۈلكە بەكمۇ سېمىرىپ كەتكەچكە ئۇنى ئورەكتىن چىقىرالمايتۇ ۋە ئۇيان ئويلاپ ـ بۇيان ئويلاپ، تۈلكىنى شۇ ئورەكتىلا ئۆلتۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. سىلەرمۇ زېمىنىمىزدىن ئەنە شۇنداق قوغلىنىسىلەر!»
رۇستەم بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ شۇ ئەخمىقانە سۆزنى قىلدى:
ــ قۇياشقا قەسەم قىلىمەنكى، ئەتە ھەممىڭلارنىڭ پوقۇڭلارنى چىقىرىۋېتىمەن!
مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئەلچىسى مۇغىرە ناھايىتى ئېغىر ـ بېسىقلىق بىلەن:
ــ قېنى كۆرەرمىز! ـ دېدى. رۇستەم ئۆزىچە مۇغىرەنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش مەقسىتىدە:
ــ مەن سىلەرگە بىرەر قۇردىن كىيىم، قوماندانىڭلارغا بىر قۇر كىيىم، مىڭ دىنار پۇل ۋە بىر ئۇلاغ ھەدىيە قىلسام، سەنچە قانداق بولار؟ سىلەر ھەدىيەلىرىمنى ئېلىپ كۆزۈمدىن يوقالساڭلار بولمامدۇ؟ ـ دەپ تەكلىپ بەردى. مۇغىرەنىڭ پەقەتلا چىدىغۇچىلىكى قالمىغانىدى. ئۇ رۇستەمگە:
ــ ماڭا قارا!
بىزنىڭ سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارغا بېسىپ كىرىپ، شان ـ شەرىپىڭلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشىمىزنى، دۆلىتىڭلارنىڭ بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغىچە بېسىپ كىرگەن ۋاقتىمىزدا سىلەرنىڭ بوينۇڭلارنى قىسقان پېتى بىزگە جىزيە تۆلەشكە مەجبۇر بولۇشۇڭلارنى بەك يىراق دەپ ئويلامسەن؟ شۇنىسى مۇھەققەقكى، ھەممىڭلار بوينۇڭلارنى پۈكۈپ، بىزگە قۇل بولىسىلەر!
مۇغىرە قارارگاھقا قايتتى. ئۇرۇش قىلىش قارارى ئېلىندى. ئەمما باش قوماندان سەئد ئاغرىپ يېتىپ قالغان بولۇپ، ئاتقا مىنگۈدەك ھالى يوق ئىدى. شۇڭا قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا خالىد ئىبنى ئەررافانى تەيىنلىدى. ئۆزىمۇ ياتقان يېرىدە تەلىمات ۋە ئەمر بېرىشكە تىرىشتى. جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل بۇجەلى قوشۇننىڭ ئوڭ قانىتىغا، قەيس ئىبنى مەقشۇھ سول قانىتىغا مەسئۇل ئىدى.
سەئد قوشۇنغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇرۇش توغرىسىدا خىتاب قىلىپ ئۇلارنى جاسارەتلەندۈردى. ئۇرۇش باشلاندى ۋە كۈن كەچ بولغىچە داۋاملاشتى. ئەتىسى سەھەردىن باشلاپ ئۇرۇش قايتا باشلاندى ۋە ئۇدا ئۈچ كۈنگىچە داۋاملاشتى. تۆتىنچى كۈنى پارس قوشۇنىنىڭ پىللىرى مۇسۇلمانلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتلىرى بۇ پىللاردىن قاتتىق ئۈركىگەچكە، سەپ بۇزۇلۇپ تاكتىكا ئىشقا يارىمايۋاتاتتى. شۇڭا، ساھابىلەر ئاۋۋال پىللارنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىدى ۋە بىر ھۇجۇم بىلەن ھەممە پىلنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلىدى.
بۇ ئۇرۇش جەريانىدا قوماندانلاردىن جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل بۇجەلى، كەئكە ئىبنى ئامىر، تۇلەيھەتۇل ئەسەدى، ئامىر ئىبنى مادى يەكرەب، خالىد ئىبنى ئارفاتا ۋە دىرار ئىبنى ئەل ھەكتاب بەكمۇ خەتەرلىك مىنۇتلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. چۈنكى، ئۇلار ئۆز ھاياتلىرىنى قىلچە ئويلاشماي پىللارغا ھۇجۇم قىلاتتى، كۆزلىرىنى ئويۇپ بوغرىسىغا كىرگۈزەتتى. شۇنىڭ بىلەن، پىللار ھەر تەرەپكە پېتىراپ قېچىشقا باشلايتتى ۋە ئۈستىدىكى باشقۇرغۇچىلىرىغىمۇ بوي بەرمىگەچكە، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن (باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن بىللە) چېپىپ تاشلىناتتى.
قادىسىيە دەپ ئاتالغان بۇ مەيداندا يۈز بەرگەن پارس ـــ مۇسۇلمان ئۇرۇشىنىڭ تۆتىنچى كۈنى (ھىجرىنىڭ ئون تۆتىنچى يىلى، مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئون تۆتى، دۈشەنبە كۈنى)، چۈش ۋاقتىدا پارس قوشۇنىنىڭ قارارگاھى تەرەپتە چېدىرلارنى ئۇچۇرتۇپ كەتكىدەك دەرىجىدە قاتتىق بوران چىقىشقا باشلىدى. پارس قوشۇنىنىڭ سەپلىرى بۇزۇلۇپ، ھەممەيلەن جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قېچىشتى. دەل شۇ پەيتتە، مۇسۇلمان قوماندانلاردىن كەئكە ئىبنى ئامىر ئەت تەمىمى ۋە خېلىل ئىبنى ئەلقەمە ئەت تەمىمى بىر ـ بىرىگە ماسلىشىپ، پارس قوشۇنىنىڭ قوماندانى رۇستەمنى ئۆلتۈردى. قاچقان ئەسكەرلەرنىڭ پېشىدىن قوغلاپ ماڭغان مۇسۇلمانلار ئىمپېراتور يەزدىگىردنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى بولغان مەدائىن شەھىرىگە بېسىپ كىردى.
قادىسىيە مەيدان ئۇرۇشىنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئون مىڭ ۋە قالغان كۈنلىرى يەنە ئون مىڭ بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە مىڭ دۈشمەن ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى. پۈتۈن ئۇرۇش جەريانىدا شېھىت بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى جەمئىي مىڭ بەش يۈز ئىدى. ئۇندىن باشقا، مۇسۇلمانلار ناھايىتى كۆپ غەنىمەتنى قولغا كىرگۈزدى. خەلىپىگە زەپەرنىڭ خۇش خەۋەرلىرى يەتكۈزۈلدى. چۈنكى، ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئۇرۇشقا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلگەچكە، ھەمىشە خاۋاتىرلىنىپ تۇراتتى. ھەتتا، مەدىنىدە ئىچى تىتىلداپ پات ـ پات شەھەر سىرتىغا چىقاتتى ۋە ئۆتكەن ـ كەچكەنلەردىن بىرەر خەۋەر ئېلىشقا تىرىشاتتى. ئەينى ۋاقىتتا، خالىد ئىبنى ۋەلىد فەتىھ قىلغان ئىراقنىڭ بەزى يەرلىرى ئىسيان چىقىرىپ، ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلغانىدى.
ئەمما مۇسۇلمانلار قادىسىيەدە غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، ئۇلار قورقۇپ كېتىپ ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئەھدىنامىگە سادىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما پارىسلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۈشكۈرتۈپ يولدىن ئېزىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇسۇلمانلاردىن ئەپۇ تىلىدى.
ئىسلام قوشۇنى قوماندانلىرى ئۆز قوماندانلىقىدىكى سەپلىرى بىلەن ئارقىمۇ ئارقا تىزىلىپ، زۇھرا ئىبنى ھاۋىيە قوماندانلىقىدا مەدائىنغا قاراپ يولغا چىقتى. يول ئۈستىدە پارىسلارنىڭ بىر بۆلەك ئەسكىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىپ، ئۇلارنىمۇ تېرىپىرەن قىلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بابىلغا، يەنە بىر قىسمى نىھاۋەندكە قاراپ قاچتى. سەئد بابىلدا بىر قانچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، مەدائىنغا ھەرىكەت قىلدى ۋە يول ئۈستىدە يەنە بىر بۆلەك پارىس قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇلارنىمۇ يەڭدى. ئۇندىن باشقا، سابات دېگەن يەردە يەزدىگىردقا تەۋە بەزى پىدائىي ئەترەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىمۇ بۇرۇنقىلار بىلەن ئوخشاش بولدى. مەغلۇپ پادىشاھ يەزدىگىرد مۇسۇلمانلارنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى توسۇش ياكى ئازراق بولسىمۇ كېچىكتۈرۈش مەقسىتىدە، يول ئۈستىگە ناھايىتى يىرتقۇچ بىر شىرنى قويۇپ بەردى. ئەتراپنى سۈر باستۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى سۇ قىلىۋەتكەن بۇ يىرتقۇچ شىرنى پالۋانلاردىن ھاشىم ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس ئۆلتۈرىۋەتتى. ئۇ كۈنى ھىجرىيە ئون تۆتىنچى يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى.
تېرىپىرەن چېچىلىپ كەتكەن پارس قوشۇنىدىن ئېشىپ قالغان پىدائىي ئەترەتلەر مەدائىن يېنىدىكى بەھرى سەير دېگەن يېزىدا توپلىنىپ، ئىسلام قوشۇنىغا قارشى تۇرماقچى بولدى. بۇ يېزا مەدائىندىن پەقەت دىجلە دەرياسى ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇراتتى. پارس قوشۇنى بۇ يەرگە يېقىن بىر جايدا تالاپەتكە ئۇچرىغانىدى. ئۇلار شۇ قەدەر ئاز ئىدىكى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە توپلىنىپ، ئۆزلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە تىرىشىشىغا پەرۋامۇ قىلىپ قويمىدى، ئەنسىرەپمۇ كەتمىدى.
پارسلار مەدائىنغا قېچىۋىدى، مۇسۇلمانلارمۇ ئۇلارغا ئارام بەرمەي، كەينىدىن شەھەرگىچە قوغلاپ كەلدى. بۇ ئەتراپقا كېلىش بىلەن، ئىمپېراتور (خىسراۋ) نىڭ ئاق رەڭلىك كۆركەم ئوردىسى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئىسلام قوشۇنلىرى مەۋسۈم سەۋەبى بىلەن كۈۋەجەپ ئېقىۋاتقان دىجلە دەرياسىنى قىلچە ئىككىلەنمەي كېچىپ ئۆتتى. مەدائىندا يېڭىدىن توپلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقان پارس قوشۇنلىرى بۇنى كۆرۈپ ئالاقزادە بولۇشقا باشلىدى.
مەدائىننىڭ فەتھى
مۇسۇلمانلار مەدائىنغا بېسىپ كىرگەندە، شەھەر ئىچىدە پارسلارنىڭ تايىنى قالمىغانىدى. چۈنكى، ئىمپېراتور قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، خەلقمۇ شەھەرنى تەرك ئەتكەنىدى. پەقەت ئوردىنىڭ ئىچىدە ئۆز ساندا ئەسكەرلا بار ئىدى. سەلمان فارىسى ئۇلارنى ئۈچ كۈن ئىچىدە تەسلىم بولۇشقا چاقىردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تەسلىم بولدى. قادىسىيە فاتىھى (فەتىھ قىلغۇچىسى) ۋە ئىراقتىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس بوش قالغان بۇ ئوردىغا تۇنجى كىرىشىدە مۇنۇ ئايەتنى ئوقىدى: (ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى. ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېئمەتلەرنى قالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلارغا (يەنى بەنى ئىسرائىلغا) مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى.(
سەئد «خىسراۋ ئايۋىنى» دەپ ئاتالغان بۇ ساراينى مەسجىدكە ئۆزگەرتتى ۋە قوشۇنى بىلەن بۇ يەردە جۈمە نامىزى ئوقۇدى.
تارىخ، ھىجرىنىڭ ئون ئالتىنچى يىلى، سەپەر ئېيى ئىدى.
اﷲ تائالا ئىسلام قوشۇنلىرىغا جەلۇلە، تىكرىت ۋە مۇسۇل قاتارلىق يەرلەرنىڭ فەتھىنى مۇيەسسەر قىلغۇچە، مۇسۇلمانلار بۇ يەرلەرگە كېلىپ يەرلىشىپ بولغانىدى. كېيىنچە بۇ ئائىلىلەر كۇفەگە كۆچتى.
سەئد ھەر تەرەپكە قېچىپ تارىلىپ كەتكەن پارس لەشكەرلىرىنى قوغلاش ئۈچۈن كىچىك تىپتىكى روتىلارنى ئەۋەتتى. ئىمپېراتور تېخى يېقىندىلا بۇ يەردىن قاچقان بولۇپ، ئېغىر كېلىپ تاشلاپ قاچقان بەكمۇ قىممەتلىك نەرسە ـ كېرەك ۋە كىيىم ـ كېچەكلەرنى قولغا كىرگۈزگەن مۇسۇلمان ئەسكەرلەر بۇ نەرسىلەرنى مەدائىنغا ئېلىپ كېلىپ، قوشۇن قوماندانىغا تاپشۇردى.
سەئد غەنىمەتلەرنىڭ بەشتىن بىرىنى ئايرىپ بەشىر ئىبنى ئەل ھاسساسىيە ئىسىملىك قومانداننىڭ مەسئۇللىقىدا مەدىنىگە ئەۋەتتى. بۇ غەنىمەتلەرنىڭ ئارىسىدا، ئىمپېراتورنىڭ تاجى، ئۈنچە ـ مەرۋايىتلىرى ۋە كىيىم ـ كېچەكلىرى بار ئىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ: «بۇ قىممەتلىك نەرسىلەر ھەقىقەتەن ئامانەت ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇلدى» دەپ دۆلەتكە ئائىت بۇ ماللارنىڭ سۇيئىستېمال قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى. ھەزرىتى ئەلىمۇ ئۇنى تەستىقلىغان ھالدا: «سەن ساڭا ياراشمايدىغان سۆز ـ ھەرىكەت قىلمىغاچقا، خەلقمۇ سەندىن ئۈلگە ئېلىپ، دۇرۇست مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
جەلۇلەنىڭ فەتھى
ئىمپېراتور يەزدىگىرد مەدائىندىن قاچقاندىن كېيىن، ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتكەن پارس قوشۇنىنىڭ كۆپىنچە لەشكەرلىرى ئاستا ـ ئاستا ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىشقا باشلىدى. ئىمپېراتور ھەلۋانغا چېكىنگەچ، بۇ قوشۇننىڭ بېشىغا مىھران ئىسىملىك بىرىنى قوماندان قىلىپ تەيىنلەپ، ئاندىن ئۆزى جەلۇلە تەرەپكە ئۆتتى. پارس قوشۇنلىرى بۇ يەردىمۇ قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئەتراپىغا خەندەك كولىدى ۋە ئىسلام قوشۇنىنىڭ شەھەرگە كىرىشىنى مۇشۇ ئارقىلىق توسىماقچى بولدى.
باش قوماندان سەئد ھەزرىتى ئۆمەرگە مەكتۇب يوللاپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭ مەدائىندا قېلىشىنى، تۇرشاۋۇللارنىڭ بېشىغا كەئكە ئىبنى ئامىر ئەت تەمىمىنى، ئوڭ قاناتقا سەئد ئىبنى مالىكنى، سول قاناتقا ئامىر ئىبنى مالىكنى، ياردەمچى ئارقا سەپكە ئامىر ئىبنى مۇررا ئەل جۇھەنىنى ۋە باش قوماندانلىققا قېرىندىشى ھاشىم ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسنى تەيىنلەپ پارس قوشۇنىغا قارشى ئەۋەتىشىنى بۇيرىدى.
بۇ بۇيرۇققا بىنائەن، ھاشىم ئىبنى ئۇتبە قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، جەلۇلەنى مۇھاسىرىگە ئالدى. يەنە ناھايىتى شىددەتلىك ئۇرۇش باشلاندى. ھەر ئىككى تەرەپكە توختىماي ياردەمچى قوشۇن كېلىپ تۇراتتى. نىھايەت، اﷲ تائالا مۇسۇلمانلارغا جەلۇلەنىڭ فەتھىنى نېسىپ قىلدى. پارس قوشۇنىنىڭ ئۇ قەدەر كۆپ لەشكىرى ئۆلتۈرۈلدىكى، ئەتراپتا جەسەتتىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتتى.
بۇ ئۇرۇشتا، قوماندانلاردىن كەئكە ئىبنى ئامىر، ئامىر ئىبنى مادى يەكرەب، ھاجار ئىبنى ئادىي، قەيس ئىبنى مەكشۇھ ۋە تۇلەيھا ئەل ئەسەدىي قاتارلىقلار ئاجايىپ قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى.
ھەلۋاننىڭ فەتھى
ئىككىنچى قوماندان ھاشىم ئىبنى ئۇتبە تالاپەتكە ئۇچراپ قاچقان پارس لەشكەرلىرىنى قوغلاش ئۈچۈن كەئكە ئىبنى ئامىر باشچىلىقىدا بىر روتا ئەسكەر ئەۋەتتى. پارس لەشكەرلىرى مۇسۇلمان ئەسكەرلەر يېتىپ بارغان ھەر يەردىن قېچىپ، ئۆزلىرىگە ئېغىر كەلگەن نەرسە ـ كېرەكنىڭ ھەممىسىنى تاشلاپ ماڭاتتى. شۇ سەۋەب بىلەن، كەئكە ئىبنى ئامىر باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلەر ئاجايىپ كۆپ مىقداردا غەنىمەت قولغا كىرگۈزدى.
بۇ غەنىمەتلەر ساسانىيلار ئىمپېراتورلۇقىنىڭ پايتەختى مەدائىندا قولغا كىرگۈزۈلگەن غەنىمەتلەردىن ئاز ئەمەس ئىدى. كەئكە پارس لەشكەرلىرىنى قوغلاپ يۈرۈپ، ئاخىرى پارس قوشۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قوماندانى مىھراننى تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈرىۋەتتى. ئاندىن ئىراننىڭ رەي (ھازىرقى تېھران) شەھىرى ئارقىلىق ھەلۋانغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەلۋان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىشغال قىلدى.
تىكرىت ۋە مۇسۇلنىڭ فەتھى
ھاشىم ئىبنى ئۇتبە جەلۇلەگە يۈرۈش قىلغان ۋاقىتتا، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇتئىم (خەلىپىنىڭ ئەمرى بىلەن) بىر بۆلەك ئەسكەرگە قوماندانلىق قىلىپ، تىكرىتكە قاراپ يولغا چىققانىدى. تىكرىت ئاھالىسىنىڭ بىر قىسىمى رۇم، بىر قىسمى خرىستىئانلاشقان ئەرەب ئىياد ۋە تەغلىب قەبىلىلىرى ۋە ئاز مىقداردا مۇسۇلدىن كەلگەن خەلقتىن تەركىپ تاپقانىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇتئىم شەھەرنى قىرىق كۈن مۇھاسىرىگە ئالدى. بۇ قىرىق كۈن ئىچىدە شەھەرگە يىگىرمە تۆت قېتىم ھۇجۇم قىلدى ۋە ھەممىسىدە خېلى ئوبدان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ۋە ئاخىرى شەھەرنى فەتىھ قىلدى. مۇسۇلمان بولغانلاردىن باشقا، ئاخىرغىچە قارشىلىق بىلدۈرگەن خەلقنىڭ ھەممىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئاندىن رەبىئ مۇسۇلغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. مۇسۇل خەلقى جىزيە تۆلەش شەرتى بىلەن كېلىشىم تۈزدى.
مەسەبزاننىڭ فەتھى
باش قوماندان سەئد پارس قوشۇنلىرىنىڭ بۇ قېتىم ھەلۋاننىڭ ئوڭ تەرىپى ۋە ھەمەدان يولى ئۈستىدىكى مەسەبزاندا توپلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئالدى. سەئد بۇ خەۋەرنى دەرھال خەلىپىگە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن دىرار ئىبنى ئەل خەتتاب ئەل فاھرى باشچىلىقىدا ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئەۋەتكەن ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار بىر ھۇجۇم بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. مەسەبزان خەلقى شەھەرنى تاشلاپ تاغلارغا قاچتى. ئەمما قوماندان دىرار ئۇلارنى قىستاۋەرگەچكە، تەسلىم بولۇپ، بەزىلىرى مۇسۇلمان بولۇشنى ۋە بەزىلىرى جىزيە تۆلەشنى قوبۇل قىلدى.
ئەھۋازنىڭ فەتھى
پارس قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرىدىن ھۇرمۇزان ئەھۋاز رايونىنى ئۆز كونتروللىقى ئاستىغا كىرگۈزۈپ، بۇ يەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇ پارسلارنىڭ مەشھۇر نەسەبلىرىدىن بىرىگە تەۋە بولۇپ، قادىسىيە ئۇرۇشىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلاردىن بىرى ئىدى. ئۇ ئەھۋازنى ئۆز قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىغا لەشكەرلەرنى توپلاپ، مۇسۇلمانلار بېسىۋالغان يەرلەرگە قايتا ھۇجۇم قوزغاشقا باشلىدى. بىرى كۇفە ۋالىسىنىڭ، يەنە بىرى باسرا ۋالىسىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئىككى قوشۇن ھۇرمۇزاننىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ، ئۇنى تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا قىستىدى. ئەمما، (كۆپ ئۆتمەي) ھۇرمۇزان كوردلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئىسيان چىقىرىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنامىسىنى بۇزدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇم باشلىدى. ھۇرمۇزان يېڭىلىپ قاچتى ۋە تۇستەر (ھازىرقى شۇشتەر) شەھىرىگە كىرىپ، بۇ يەردە قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولدى. ئەمما، شەھەر خەلقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىل ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، جىزيە تۆلەشنى قوبۇل قىلىپ، سۈلىھ تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، ھۇرمۇزان ئىككىنچى قېتىم سۈلىھ تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.
شۇ مەزگىللەردە، تۇستەردىن باشقا جەندىسابۇر قاتارلىق (پارس ھۆكۈمىتىگە تەۋە) بىر قانچە شەھەر ئاھالىسىمۇ سۈلىھ تۈزدى. ئىسلام قوشۇنى قوماندانلىرىدىن ھەرقۇس ئىبنى زۇھەيىر سۇقئۇل ئەھۋازنى فەتىھ قىلغان بىر پەيتتە، ھۇرمۇزان ئىمپېراتور يەزدىگىردنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن سۈلھىنى يەنە بۇزۇپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىسيان كۆتەردى.
ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، كۇفەدىكى قوشۇننىڭ نۇمان ئىبنى ئەل مۇقەررىن قوماندانلىقىدا ھۇرمۇزاننىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشىنى ئەمر قىلدى. ئىراق سېپى باش قوماندانى سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس باش قوماندانلىق مەركىزىنى كۇفەگە يۆتكىگەنىدى.
خەلىپە باسرادىكى قوشۇننىمۇ سۇھەيل ئىبنى ئادىي قوماندانلىقىدا ھۇرمۇزانغا قارشى يۈرۈش قىلىش ئەمرىنى بەردى ۋە ئەبۇ سەبرا ئىبنى ئەبۇ رەھىمنى ئىككى قوشۇننىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى. كۇفەدىن كەلگەن قوشۇن ھۇرمۇزاننىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ۋە دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. ھۇرمۇزان يەنە قېچىپ تۇستۇرغا بېرىۋالدى. لېكىن، بۇ يەردە ئۇنى سۇھەيل ئىبنى ئادىي قىستاققا ئالدى. دەل شۇ ۋاقىتتا، نۇمانمۇ ئەسكەرلىرى بىلەن يېتىپ كېلىپ، بۇ قورشاۋغا قېتىلدى. بۇ قوشۇنلارنىڭ باش قوماندانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاممىسىنىڭ ئوغلى ئەبۇ سەبرا ئىبنى ئەبۇ رەھىمنىڭ زىممىسىدە ئىدى.
مۇسۇلمانلار ھۇرمۇزاننىڭ قول ئاستىدىكى قوشۇننىڭ خېلى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ خەۋەرنى ھەزرىتى ئۆمەرگە يەتكۈزدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرىنى ئىراقتىكى قوشۇنغا ياردەم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار پارس قوشۇنلىرىنى چەمبەر شەكلىدە قورشاۋغا ئېلىپ، تەسلىم بولۇشقا زورلىدى، ئاندىن شەھەرگە مەجبۇرىيي بېسىپ كىرى. ھۇرمۇزان قەلئە ئىچىگە كىرىۋېلىپ تىركىشىپ باققان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار قەلئەنى قورشاپ، ئۇنى تىرىك پېتى قولغا چۈشۈردى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە، ئەھمەد ئىبنى قەيس ۋە ئەنەس ئىبنى مالىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھەيئەت بىلەن مەدىنىگە ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن، قول ئاستىدا بىر روتا بولغان ئەبۇ سەبرا ئىبنى ئەبۇ رەھىم يېنىغا ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرى ۋە نۇمان ئىبنى ئەل مۇقەررىننى ئېلىپ، ھۇرمۇزاننى ياللاپ مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇ سەپەر ئۈستىدە پارس ھۆكۈمرانلىقىدىكى سۇس شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى ۋە خەلىپىنى بۇ ئەھۋالدىن ۋاقىپلاندۇرۇش ئۈچۈن خەۋەر يوللىدى. خەلىپە ئۇلارغا جاۋاب خەۋىرى يوللاپ، ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرىنىڭ باسراغا قايتىشىنى، زەر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى كۇلەيبنىڭ جەندىسابۇرغا يۈرۈش قىلىشىنى ئەمر قىلدى. ئەمرگە بىنائەن، ھەممەيلەن ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاتلاندى. ھۇرمۇزان غەنىمەتنىڭ بەشتىن بىرى بىلەن بىرگە مەدىنىگە يوللاندى.
ھەيئەت ھۇرمۇزاننى ياللاپ مەدىنىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇدۇل ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇلارغا (ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ) كۇفەدىن كېلىدىغان ھەيئەتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەسجىدكە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىشتى. ئەمما مەسجىدتىمۇ ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇلار قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، دەرۋازا ئالدىدا ئويناۋاتقان كىچىك بالىلار ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مەسجىدنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ھەيئەتتىكىلەر ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىر بۇلۇڭدا ئۇخلاۋاتقانىلىقىنى كۆردى. ھۇرمۇزان كۆزلىرىگە ئىشەنمەي:
ــ خەلىپە ئۆمەر نەدە؟ ـ دەپ سورىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ:
ــ مۇشۇ شۇ، ـ دېيىشتى. ھۇرمۇزان ھەيران قالدى. چۈنكى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يېنىدا نە قوغدىغۇچى، نە مۇھاپىزەتچى، نە سەلتەنەت ئىگىلىرى كۆرۈنمەيتتى. ھۇرمۇزاننىڭ كۆزلىرى پارس ئىمپېراتورىنىڭ ئەتراپىدا مۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆرۈپ ئادەتلىنىپ كەتكەنىدى.
دەل شۇ پەيتتە، سۇسنىڭ زورلۇق بىلەن فەتىھ قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى.
ئۇزۇن مەزگىللىك مۇھاسىرىدىن كېيىن، سۇس خەلقى سۈلىھ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، پۈتۈن شەھەر مۇسۇلمانلارغا تەسلىم بولغانىدى. زەر ئىبنى ئابدۇللاھمۇ جەندىسابۇرنى فەتىھ قىلدى.
ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە، پارس تۇپراقلىرىغا ئىككىنچى بىر تەرەپتىن بېسىپ كىرگەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى توختىماي ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتاتتى. شۇ ۋاقىتتا، بەھرەين ۋالىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەلا ئىبنى ئەل ھەزرەمى يەنە بىر تەرەپتىن خۇددى سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس بىلەن بەسلەشكەندەك جىھادقا ئاتلىنىپ كەتكەنىدى. چۈنكى، سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس قادىسىيە ئۇرۇشىدا غەلىبە قازانغاندىن كېيىن (بۇ غەلىبىنىڭ تەسىر دائىرىسى بەكمۇ چوڭ بولدى)، ئەلا ئىبنى ئەل ھازرەمىمۇ ئۆز ئالدىغا قوشۇن تەشكىللەپ، پارسلارغا قارشى يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق، ئۇتۇق قازانماقچى بولدى ۋە خەلقنى جىھادقا چاقىردى. چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان خەلقتىن ناھايىتى زور بىر قوشۇن تەشكىللەندى. ئەلا بۇ قوشۇننى باشلاپ، (خەلىپىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ) دېڭىزدىن ئۆتۈپ پارس تۇپراقلىرىغا بېسىپ كىردى ۋە ئىستەھر شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئەمما پارسلار يان تەرەپتىن يۈرۈش قىلىپ، ئەلانىڭ قوشۇنى بىلەن كېمىلىرىنىڭ ئارىلىقىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. مۇسۇلمانلار بىردىنلا دۈشمەن قوشۇنى بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىسىدا قېلىپ قالدى. ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن مۇسۇلمانلار قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق دۈشمەن سېپىنى يېمىرىپ چىقتى ۋە باسراغا قاراپ ھەرىكەتلەندى. ئەمما كېمىلىرىنىڭ يېنىغا بارالمىدى. چۈنكى، پارس كۈچلىرى مۇسۇلمانلار بىلەن كېمىنىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋېلىپ، يولنى كېسىپ تاشلىغانىدى. شۇڭا، مۇسۇلمانلار دۈشمەنلەرنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغان ھالەتتە كۈتۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ھەزرىتى ئۆمەر بەكمۇ قايغۇرۇپ، ھەم ئەنسىرىدى ھەم ئازابلاندى. ئەلانى دەرھال ۋەزىپىسىنى تاشلاپ سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسقا قوشۇلۇشىنى ئەمر قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇتبە ئىبنى غەزۋانغا ئەلانىڭ قوشۇنىغا ياردەم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى.
ئۇتبە ئىبنى غەزۋان ئون ئىككى مىڭ كىشىلىك زور بىر قوشۇن تەييارلاپ سەبرا ئىبنى ئەبۇ رەھم باشچىلىقىدا ئەلانىڭ قوشۇنلىرىغا ياردەمگە ئەۋەتتى. بۇ قوشۇندا ھاشىم ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، ئاسق ئىبنى ئامىر، ئەل ئەھنەف ئىبنى قەيس، خۇزەيفە ئىبنى مېھسان ۋە ئەرفەجە ئىبنى ھەرسەمە قاتارلىق قوماندانلارمۇ بار ئىدى. ياردەمگە كەلگەن قوشۇن ئاخىرى قورشاۋ ئىچىدە قېلىپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەنىدى، چۈنكى، دەل شۇ چاغدا قورشاۋدا قالغان مۇسۇلمانلار بىلەن دۈشمەنلەر ئارىسىدا توقۇنۇش چىقىش ئالدىدا تۇراتتى. مۇسۇلمانلار بىلەن دۈشمەنلەر ئارىسىدا بىر مەيدان قانلىق جەڭ ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئۇرۇش مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن نەتىجىلەندى. مۇسۇلمانلار ئۇتبە ئىبنى غەزۋەننىڭ قوماندانلىق مەركىزى بولغان باسراغا قايتتى.
پارسلار بۇ قېتىم نىھاۋەندكە يىغىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىپ، پەرىشان ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پارس تۇپراقلىرىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىنى خالىمايتتى. مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ پىكرى بويىچە، ھۇرمۇزان ۋە غەنىمەتلەرنى ئېلىپ ماڭغان ھەيئەتنىڭ باشچىسى ئەھنەف ئىبنى قەيس مەدىنىگە يېتىپ كەلگىچە (قىسقا بىر مەزگىل)، ھېچ نەگە مىدىرلىماي كۈتۈپ تۇردى.
ھەيئەت ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئۆمەر ئەل ئەھنەف ئىبنى قەيستىن فەتىھ قىلىنغان يەرلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلىقىنى سوراپ بىلىشكە تىرىشتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا دىندىكى كىشىلەرگە يامان مۇئامىلە قىلىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. چۈنكى، ئۇ ئادالەتسىزلىكنىڭ ئىسيانغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى ۋە بۇ ئىشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى. ئەل ئەھنەف قىسقىچە قىلىپ:
ــ بىز ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ۋە باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشتىن باشقىنى بىلمەيمىز، ـ دېدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭ تېخىمۇ كونكىرېتراق جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ:
ــ بۇ قانداق گەپ؟ تېخىمۇ ئوچۇقراق جاۋاب بەرگىنە؟! ـ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەل ئەھنەف مۇنداق دېدى:
ــ ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۆزەڭگە مەلۇمكى، پارس تۇپراقلىرىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشىمىزنى توسۇپ، ھازىرچە فەتىھ قىلغان يەرلىرىمىزنى قوغداپ تۇرۇشىمىزنى ئەمر قىلدىڭ. ئەمما شۇنى يادىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى، پارس ئىمپېراتورى تېخى ھايات ۋە ئۆز خەلقى ئارىسىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقى پارسلارنى بىزگە قارشى ھەردائىم كۈشكۈرتۈپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. دەرۋەقە، ئۇ ھايات بولغاچقا، ئۆز خەلقىنى بىزگە قارشى توختىماي كۈشكۈرتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا پارسلار بىلەن ئارىمىزدا پات ـ پات توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، بىر دۆلەتتە ئىككى ھاكىمىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. بىرى يەنە بىرىنى چوقۇم كۆزىدىن يوقىتىشى كېرەك. شۇنىسى ھەقىقەتكى، پارسلار بىزگە قارشى ئىسيان چىقارغاندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىۋاتىمىز ۋە ئۇلارنىڭ تۇپراقلىرىدىن ئاز بىر قىسمىنى فەتىھ قىلىۋاتىمىز. ئۇلارنى كۈشكۈرتىۋاتقىنى شۇئاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان پادىشاھلىرىدۇر. ئەگەر سەن بىزگە ئىجازەت قىلساڭ، بىز پارس تۇپراقلىرىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ، پادىشاھنى كۆزدىن يوقىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ خەلق ئالدىدىكى نوپۇزىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان ۋاقتىمىزدىلا، پارسلارنىڭ ئوردىغا بولغان ئۈمىد ۋە غايىلىرىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇلارنى ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە ئىشىنىش پۇرسىتى ۋە ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالىغان بولىمىز.
بۇ سۆزلەردىن تەسىرلەنگەن ھەزرىتى ئۆمەر ئەل ئەھنەف ئىبنى قەيسكە:
ــ ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق گەپ قىلدىڭ. قەسەم قىلىمەنكى، ماڭا بۇ مەسىلىنى ھەقىقىي شەكلى بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويدۇڭ، ـ دەپ ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە سۆھبەتلىشىپ تۇرغان ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئۆمەرگە پارسلارنىڭ نىھاۋەندكە يىغىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر يەتكۈزۈلدى. بۇ خەۋەر بىلەن، ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ پارس تۇپراقلىرىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشىنى ئەمر قىلدى. ھەتتا ئۆزىمۇ بىر روتىنىڭ بېشىغا ئۆتۈپ، ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، فەتىھ ھەرىكەتلىرىگە قېتىلماقچى بولدى. ئەمما ساھابىلەر كېڭىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بۇ پىكرىگە قارشى چىقتى. بۇ ئىشتا ھەزرىتى ئەلىنىڭ رولى چوڭ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئۆمەر بۇ نىيىتىدىن ياندى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئەمىلىي ئەھۋالنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئالدىنقى سەپتىكى قوماندانلاردىن خۇزەيفە ئىبنى ئەل يامان قوماندانلىقىدىكى كۇفە قوشۇنى، ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرى قوماندانلىقىدىكى باسرا قوشۇنى ۋە نۇمان ئىبنى مۇقەررىن قوماندانلىقىدىكى قوشۇنغا خەۋەر يوللاپ، ئۇلارنىڭ دەرھال ھەرىكەتلىنىشىنى، ھەممە قوشۇن ئالدىنقى سەپتە ئۇچراشقاندىن كېيىن، ھەرقايسى قوماندانلارنىڭ ئۆز قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىشىنى ۋە نۇمان ئىبنى ئەل مۇقەررىننىڭ قوشۇننىڭ باش قوماندانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى، ئەگەر ئۇ شېھىت بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا قەيس ئىبنى مەكشۇھنىڭ باش قوماندان بولۇشىنى ئەمر قىلدى. ئاندىن قوماندانلار سېپىدا يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ئۆلۈش ـ يارىلىنىش ۋەقەلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، كىملەرنىڭ باش قوماندانلىق ئورنىغا چىقسا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تىزىملىكنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتتى.
بۇ ئەمر بىلەن، ئىسلام قوشۇنلىرى نىھاۋەندكە قاراپ ھەرىكەتلەندى. مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سانى 30 مىڭ ئەتراپىدا، ھالبۇكى، نىھاۋەندتىكى پارسلارنىڭ سانى 150 مىڭدىن ئارتۇق ئىدى. ئىككى قوشۇن ئارىسىدا چارشەنبە كۈنى باشلانغان توقۇنۇش ئەتىسى پەيشەنبە كۈنى كەچكىچە تولۇق ئىككى كۈن داۋاملاشتى. ئۈستۈنلۈك يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا ئىدى. قىستاققا ئېلىنغان پارس قوشۇنلىرى سېپىل ئىچىگە چېكىنىپ كىرىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشتىن باشقا ئىش قىلالمىدى. مۇسۇلمانلار شەھەرنى قورشاۋغا ئالدى. بۇ قورشاۋنىڭ ئۇزۇن مەزگىلگە سوزۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن باش قوماندان نۇمان ئىبنى مۇقەررىن ياردەمچى قوماندانلارنى يىغىپ، باشقىچە بىر تاكتىكا تېپىپ چىقىش ئۈچۈن مەسلىھەتلەشتى. ياردەمچىلەر ئۇنىڭغا كەينىگە چېكىنىش تاكتىكىسى مەسلىھەتىنى بەردى. ئەگەر شۇنداق قىلسا، پارسلارنىڭ غەيرەتكە كېلىپ، شەھەردىن چىقىپ مۇسۇلمانلارنىڭ كەينىدىن قوغلايدىغانلىقىنى، ئاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ كەينىگە قايتىپ، كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. نۇمان بۇ تاكتىكىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئاۋۋال پارسلارغا بىر ھۇجۇم قوزغاپ، ئاندىن كەينىگە چېكىنىش تاكتىكىسىنى باشلىتىش ئۈچۈن قول ئاستىدىكى قوماندانلاردىن كەئكەگە تەلىمات بەردى.
مۇسۇلمانلار قوشۇنى پارسلارغا ئومۇمىيۈزلۈك بىر ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن، كەينىگە چېكىندى. دەرۋەقە، پارسلار مۇسۇلمانلارنىڭ كەينىدىن باستۇرۇپ كەلدى. ئىككى قوشۇن ئارىسىدا بىر مەيدان قانلىق جەڭ يۈز بەردى. ئۇرۇش مەيدانى جەسەت بىلەن لىق تولۇپ كەتتى. پارسلاردىن 100 مىڭ لەشكەر ئۆلدى. ئەمما، مۇسۇلمانلارنىڭ نىھاۋەند ئۇرۇشى باش قوماندانى نۇمان ئاتتىن چۈشۈپ كېتىپ، شېھىت بولدى. ئۇنىڭ شېھىت بولغىنىنى ئىنىسى نۇئەييىمدىن باشقا ھېچكىم سەزمىدى. نۇئەييىممۇ مۇسۇلمانلارنىڭ پەرىشان بولماسلىقىنى ئويلاپ، ھېچكىمگە تىنمىدى ۋە يەرگە چۈشكەن سانجاقنى ئېلىپ، قوماندانلاردىن خۇزەيفە ئىبنى ئەل ياماننىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. قوشۇنغا نۇماننىڭ ئورنىدا خۇزەيفە قوماندانلىق قىلدى ۋە ئۇرۇش ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا ئاخىرلاشتى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نۇئەييىم ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېلان قىلدى.
پارس قوشۇنىنىڭ قوماندانى فىرۇزان ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىپ كەتكەنىدى. ئەمما، ئىسلام قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرىدىن كەئكە فىرۇزاننىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ، ھەمەدان تۆپىلىكلىرىدە تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئىسلام قوشۇنلىرى نىھاۋەندكە زورلۇق بىلەن كىرىشكە مۇۋەپپەق بولدى. ئۇندىن كېيىن، جىي دەپ ئاتالغان ئىسپاھان ئىشغال قىلىندى. ئاندىن، ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرى قۇم ۋە كەشان شەھەرلىرىنى فەتىھ قىلدى.
سۇھەيل ئىبنى ئادىيمۇ كەرماننى ئالدى. نىھاۋەند ئۇرۇشىدا بۇلۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ھەزرىتى ئۆمەرگە سۆزلەپ بېرىلگەندە، شېھىت بولغان ئىسلام قەھرىمانلىرىنى ئۈچۈن شۇنداق قاتتىق ئازابلاندىكى، ئۆزىنى تۇتالماي ھۆڭ ـ ھۆڭ يىغلاپ كەتتى.
ئاندىن شېھىت بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىملىرى بىر ـ بىرلەپ ئوقۇلغاندا، گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تونىمىسىمۇ، يەنە شۇنداق يىغلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ـ بىرلەپ تونىغىنىم بىلەن تونىمىغىنىمنىڭ نېمە پەرقى بار؟ اﷲ تائالا ئۇلارنى تونۇيدۇ، بىلىدىغۇ؟ شۇڭا، اﷲ ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرىنى ئۈستۈن قىلىپ، شېھىتلىك بىلەن مۇكاپاتلىمىدىمۇ؟! ئۆمەرنىڭ ئۇلارنى تونۇشىنىڭ ئۇلارغا نېمە پايدىسى بار؟»
ئەسلىدە، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قوماندان ۋە رەھبەر تەيىنلەش سىياسىتى ئۈستىدە بىرئاز توختىلىپ ئۆتسەك، بۇنىڭ بىز ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بار. شۇنداق، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا قوماندانلىق ماقامىغا ساھابىلەرنى قويۇشى ۋە شۇنداق قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى ھەممىگە ئايان. ئەمما، ئۇنىڭ بەزىدە دەرىجىسىز، ئاددىي بىر ئەسكەرنىمۇ قوماندان قىلىپ قويغان ۋاقىتلىرى بولغان. لېكىن، بۇ قومانداننى ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى ئاددىي ئەسكەر سۈپىتىدە ئەسلى ئورنىغا قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئەسكەرنى قوماندان قىلىپ قوياتتى. بىر قوماندان تېخى تۈنۈگۈن ئۆز ئەمرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىرىنىڭ بۈگۈن ئۆزىگە ئەمر بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى. بۇ ئارقىلىق، ھەزرىتى ئۆمەر ئىنساننىڭ چوڭچىلىق ھېسسىياتىغا بېرىلمەسلىكىگە، ھەركىمنىڭ ئاساسەن تەڭ ـ باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يولى بىلەن ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي ئورنىنى ياخشى تونۇپ يېتىشىگە، مۇلايىملىق ۋە كەمتەرلىك تۇيغۇسىنى يۈتتۈرۈپ قويماسلىقىغا، ھەممەيلەننىڭ پەقەت اﷲ رىزاسى ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشىگە ئىمكان ۋە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە تىرىشاتتى.
نىھاۋەند فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، ھېچقانداق ئەندىشىسى قالمىغان ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ پارس تۇپراقلىرىدا خالىغانچە ئىلگىرىلىسە بولىدىغانلىقىغا قانائەت ھاسىل قىلدى. ئىسلام قوشۇنىنىڭ سانى قانچىلىك ئاز، قورال ـ ياراقلىرىنىڭ قانچىلىك ناچار بولۇشىغا ۋە ئۆزلىرى دۇچ كېلىدىغان دۈشمەننىڭ قانچىلىك كۈچ ـ قۇۋۋەتلىك بولۇشىغا قارىماي، ئومۇمىي بىر ھەرىكەت باشلىنىشى ئۈچۈن يەتتە قوماندانغا يارلىق چىقىرىلدى. چۈنكى، ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە باقساق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن بۇ پارلاق نەتىجىلەر ۋە قۇچقان زەپەرلەرگە (ھەرگىز ئۇلارنىڭ) سان ۋە قورال ـ ياراقلىرىنىڭ ياخشى ـ ناچارلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تەۋرەنمەس، مۇستەھكەم ئىمانى ۋە چەكسىز پىداكارلىقلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
بۇ يەتتە قوماندان ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يارلىقىغا بىنائەن فەتىھ ئىشلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
بىرىنچى، نۇئەييىم ئىبنى مۇقەررىن. ھەمەدانغا يۈرۈش قىلىپ، شەھەرنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، يەزىد ئىبنى قەيسنى بۇ يەرگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆزى رەي (ھازىرقى تېھران) گە قاراپ يۈرۈش قىلدى ۋە بۇ شەھەرنىمۇ ئىشغال قىلدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئىنىسى سۇۋەيد ئىبنى مۇقەررىننى بىر روتا ئەسكەرگە قوماندان قىلىپ قۇس دېگەن يەرگە ئەۋەتتى. سۇۋەيد ئۆزىگە ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىگەن شەھەر خەلقى بىلەن سۈلىھ تۈزدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان جۇرجان ۋە تابەرىستان خەلقلىرىمۇ قوماندان سۇۋەيدكە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ سەپنىڭ باش قوماندانى نۇئەييىم ھەمەداندىكى قارارگاھىدا بەكىر ئىبنى ئابدۇللاھنى ئەزەربەيجانغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سەمماك ئىبنى ھېرسا قوماندانلىقىدىكى بىر بۆلەك ئەسكەرنى ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇتبە ئىبنى فەرقادمۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئەزەربەيجانغا يۈرۈش قىلغانىدى. بەكىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەزەربەيجاننىڭ بەزى يەرلىرىنى فەتىھ قىلىپ، خېلى كۆپ مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى.
ئىككىنچى، سۇرراقە ئىبنى ئامىر. ئۇ كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بابۇل ئەربابقا قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇننىڭ تۇرشاۋۇللارنىڭ بېشىدا ئابدۇرراھمان ئىبنى رابى بار ئىدى. ئابدۇرراھمان قوماندانى سۇرراقەنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ ھۆكۈمدارى بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزدى. ئاندىن قوماندان سۇرراقە بۇ يەرنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا بەكىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ھەبىب ئىبنى مەسلەمە، خۇزەيفە ئىبنى ئۇسەييىد ۋە سۇلايمان ئىبنى رابىئەلەرنىڭ قوماندانلىقىدا ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇ يەرلەرنى فەتىھ قىلماقچى بولدى. ئەمما، ئۆزى ئۇ مەزگىلدە ۋاپات بولدى. ھەزرىتى ئۆمەر سۇرراقەنىڭ ئورنىغا ئابدۇرراھمان ئىبنى رابىئەنىڭ قوماندان بولغانلىقىنى كېيىنچە ئۇققان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمىدى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى تەستىقلىدى.
ئۈچىنچى، ئەل ئەھنەف ئىبنى قەيس. ئۇ تابسەين ئارقىلىق خۇراسانغا كىرىپ، بۇ يەردە ھىرات شەھىرىنى زورلۇق بىلەن ئالدى. شەھەرگە سەھھار ئىبنى فۇلان ئەل ئابدىنى مەسئۇل قىلىپ قويۇپ، ئۆزى ھىرات دەرياسىنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، مەرۋەئى شاھجاھانغا يۈرۈش قىلدى ۋە ئۇ يەرنىمۇ ئىشغال قىلدى. ھارىسە ئىبنى نۇماننى شەھەرگە مەسئۇل قىلىپ، مۇرغەب ۋادىسىدىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەزدىگىردنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەرۋئى رۇزغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ ۋاققىچە، كۇفەدىن يولغا چىققان ياردەمچى قوشۇنمۇ ئۇنىڭغا يېتىشىپ كەلدى. يەزدىگىرد بۇ قېتىم قېچىپ، بەلىخ شەھىرىگە پاناھلانغانلىقى ئۈچۈن ياردەمچى قوشۇن شۇ يەرگە ئەۋەتىلدى. ياردەمچى قوشۇن دەرھال ئاتلىنىپ، بەلىخ شەھىرىگە توسالغۇسىز كىرگەن بولسىمۇ، يەزدىگىرد ئۇ يەردىنمۇ قېچىپ قۇتۇلۇپ، ماۋارائۇننەھىرگە بېرىۋالغانىدى.
قوماندان ئەل ئەھنەف ئىبنى قەيس كۇفە قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىدىن بەلىخكە يېتىپ كەلگەندە، شەھەر ئاللىبۇرۇن فەتىھ قىلىنىپ بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ كەڭ كەتكەن تۇپراقنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇ يەر ـ بۇ يەردە قېچىپ يۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقان لەشكەرلەرنىمۇ ئۆزىگە بويسۇندۇردى. ئاندىن، ئەل ئەھنەف مەرۋگە قاراپ كېتىۋېتىپ، مۇتەۋۋىف ئىبنى ئابدۇللاھنى نىشاپۇرغا، ئەل ھارىس ئىبنى ھاساننى سەراھسقا ئەۋەتتى.
پارس ئىمپېراتورلۇقىنىڭ شىمالى قىسىملىرى ۋە كاسپى دېڭىزى بويلىرىدا فەتىھ ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان قوماندان ئەل ئەھنەف ئىبنى قەيس توخارىستان رايونىغا رىبى ئىبنى ئامىر ئەت تەمىمىنى مەسئۇل قىلىپ، مەرۋئى رۇزغا قايتقاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئۆمەرگە خۇراساننىڭ فەتھى توغرىلىق خەۋەر يوللىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېگەنىدى: «….. ھەرگىز دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىغا ئۆتمەڭلار. ھازىرچە قول ئىلكىڭلاردىكى تۇپراقلارنى قوغداشقا تىرىشىڭلار. خۇراسانغا قانداق شەرت بىلەن كىرگىنىڭلارنى ئوبدان بىلىسىلەر. ئۇ شەرتلەرنى ئۇنتۇپ قالماڭلاركى، داۋاملىق زەپەر قۇچقايسىلەر! ھەرگىز قارشى قىرغاققا ئۆتكۈچى بولماڭلار. بولمىسا، تارقىلىپ پەرىشان بولىسىلەر!..»
تۆتىنچى، (پارس سېپى قوماندانلىرىدىن) ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاس.
ئۇ، بىر قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ ئىستاھرغا يۈرۈش قىلدى. بەھرەين ئارقىلىق پارس قولتۇقىدىن ئۆتۈپ، ئاۋۋال بەرقاۋان ئارىلىنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن ئىران تۇپراقلىرىغا كىردى. ئاندىن جۇر، ئىستاھر ۋە شىراز قاتارلىق شەھەرلەرنى فەتىھ قىلدى. بۇ قېتىم ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرى خەلىپىنىڭ ئەمرى بىلەن ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاسقا ياردەملەشتى. بۇ فەتىھلەر جەريانىدا قومانداننىڭ ئىنىسى ھاكەم ئىبنى ئەبۇل ئاسمۇ ئۇنىڭغا كۆپ ياردەم قىلدى.
بەشىنچى، (يەنە پارس سېپى قوماندانلىرىدىن) سارىيە ئىبنى زەنىم ئەل قىنانى. ئۇ، قوشۇنىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكەت يولى ئۈستىدىكى پارسلار توپلانغان بىر يەرنى كۆزلەپ يولغا چىقتى. ئاۋۋال ئۇلارنى قورشاۋغا ئالدى، ئەمما پارسلار كوردلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى، كوردلار ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. دۈشمەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇسۇلمانلار خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى. بىردىنبىر چارىسى ئەتراپتىكى دۆڭلەردىن پايدىلىنىش ئىدى ۋە شۇنداق قىلدى.
قوماندان سارىيە بىر دۆڭگە چىقىپ، بىر تەرەپتىن كەينىدە قالغان قوشۇنىنى قوغداشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۈشمەنلەرگە قارشى جەڭنى داۋاملاشتۇردى. نىھايەت، مۇسۇلمانلار ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
بۇ توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئۆمەر مەدىنىدە جامائەتكە نامىزىنى ئوقۇپ بېرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئىلاھى كارامەت بىلەن بۇ ھادىسىنى ھېس قىلغانلىقى ۋە خۇتبىسىنى توختىتىپ: «ئەي سارىيە! تاغ تەرەپكە، تاغ تەرەپكە….. بۆرىنىڭ ھىيلىسىنى بىلمىگەن ھاڭۋاقتى چوپان ئۆز قويلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ» دەپ ۋارقىرىغانلىقى، شۇنداقلا، سارىيە ۋە ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى مۇجاھىدلارنىڭمۇ بۇ ئاۋازنى ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. اﷲ بۇ يەرنى (ئەمىرگە بولغان ئىتائەتنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە) مۇسۇلمانلارقوشۇنىنىڭ فەتىھ قىلىشىغا مۇيەسسەر قىلدى.
ئالتىنچى، قوماندان ئاسىم ئىبنى ئامىر ئەت تەمىمى. ئۇ، باسرالىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، سىجىستان رايونىغا قاراپ ئاتلىنىپ، بۇ رايوننىڭ مەركىزى زەرەنجنى ئۇزۇن ۋاقىت قورشاۋغا ئالغاندىن كېيىن، شەھەرگە بېسىپ كىردى. شەھەر خەلقى ئۇرۇش توختىتىپ، سۈلىھ تۈزۈشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئاندىن، ئۇ بۇ يەرنىڭ ئىدارىي ئىشلىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، ئامانلىقىغا مەسئۇل بولدى.
يەتتىنچى، (پارس سېپى قوماندانلىرىدىن) سۇھەيل ئىبنى ئادىي ئەل خەزرەج. ئۇ، بىر قوشۇننى باشلاپ كىرماننى پارسلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئىسلام تۇپراقلىرىغا قوشتى.
سەككىزىنچى، (يەنە قوماندانلاردىن) ھاكىم ئىبنى ئامىر ئەت تەغلەبى. ئۇ، قول ئاستىدىكى قوشۇن بىلەن مىقرانغا يۈرۈش قىلدى. ئۇلاردىن باشقا، كەينىدە بىر ياردەمچى قوشۇن بار ئىدى. مۇسۇلمانلار دۈشمەن قوشۇنى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا، ئىككى قوشۇننىڭ ئارىسىدا بىر دەريا بار ئىدى. پارس قوشۇنى دەريادىن ئۆتۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. مۇسۇلمانلار پارس قوشۇنلىرىنىڭ ئارا ـ ئارىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. ئاندىن ئۇ يەرنى تەلتۆكۈس فەتىھ قىلدى.
توققۇزىنچى، ئۇتبە ئىبنى فەرقاد. ئۇ، پارس تۇپراقلىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەرلەرنى فەتىھ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ساسانىيلار دۆلىتى يىقىلىپ، ئىران تۇپراقلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىگە كىرگۈزۈلدى.
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ۋاپاتى
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ۋاپاتى”ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى”ھەزرىتى ئۆمەر نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئالدىن كۆرەر بىرى ئىدى.
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئالدىن كۆرەر بىرى ئىدى.”ئۇ، ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ساپ ۋە پاكىز ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلاتتى؛ كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقان دۆلەت چېگرىسى ۋە يات مىللەتلەرنىڭ تۈركۈم ـ تۈركۈملەپ ئىسلامغا كىرىشى بىلەن ئەبجەش ۋە كونترول قىلغىلى بولمايدىغان بىر جەمئىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن بەكمۇ قورقاتتى. چۈنكى ئۇ، نەتىجىدە بىرمۇنچىلىغان يات پىكىر ۋە ئېقىملارنىڭ بۇ جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىپ، جەمئىيەتنىڭ مەنىۋىييىتىنى بۇلغايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇنداقلا، كەڭ كۆلەملىك فەتىھ پائالىيەتلىرىدىن كېيىن، ئىسلام دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىغا ئايلىنىپ قالغانلار ۋە سىرتتىن كەلگەن مەجۇسىييلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ ئىسلامنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت سالىدىغان بىر تالاي ئىش ـ ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تاشلىشىدىن خەۋپسىرەپ تۇراتتى. شۇڭا، بۇ يات مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىن (دۆلىتى يىقىلغانلىقى ئۈچۈن) كۆرۈنۇشتە مۇسۇلمان بولغان بەزى ئىرانلىقلاردىن باشقا مەدىنىگە كېلىپ يەرلىشىش سەۋداسىدا بولغانلارنىڭ مەدىنىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى بۇ ئىرانلىقلارنىڭ (گەرچە ئىسلامنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ) روھىي ئېڭىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆتمۈشكە ۋە كونا مەجۇسىي ئېتىقادلىرىغا بولغان تەلپۈنۈش ۋە مايىللىق ئالامەتلىرى بار ئىدى. بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلىرىگە بولغان ساداقەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمايۋاتاتتى. يەنى ئۇلار سىرتقى كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان، ئەمما ئىچكى جەھەتتە تېخىچە بۇرۇنقى مەجۇسىي دىنلىرىغا سەمىمىي، ساداقەتمەن ئىدى. ھەتتا بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بەكمۇ قورقۇنچلۇق سۇيىقەست ـ پىلانلىرى بار بولۇپ، بۇ، ئۆز دۆلەتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەزرىتى ئۆمەرگە بولغان غەزەپ ـ نەپرەتلىرىدىن كېلىپ چىقماقتا ئىدى. بەزىلىرى تېخى يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغاچقا، ئىسلامنى تولۇق، توغرا چۈشىنىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلىپ يەتكۈدەك ئاڭ ـ سەۋىيەگە ئىگە بولالمىغاچقا، ھەمىشە ئىككىلىنىپ، تەڭقىسلىقتا يۈرەتتى.
فەتىھلەردىن كېيىن، ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىگەمەنلىكىگە كىرگەن يەرلەردىكى خەلقلەر ئىچىدە ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەڭ كۆپ ئۆچمەنلىك قىلغانلار پارسلار ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ دۆلىتى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلغاچقا، ئۇلارنىڭ قېچىپ قۇتۇلالىغۇدەك باشقا يەرلىرى يوق ئىدى. ئەمما ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىزانسلىق پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسلام فەتىھلىرىنىڭ سىرتىدا قالغان ۋە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۆلەتلىرى بار ئىدى. بۇ دۆلەت فەتىھ قىلىنغان تۇپراقلاردىن قېچىپ، ئۆزلىرىدىن پاناھلىق تىلىگەنلەرنى سىغىندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىدى.
ھەقىقەتەن، فەتىھ قىلىنغان يەرلەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلاردىن باشقا، بىزانسلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەرلەرگە قاچقان رۇملار ۋە فەتىھتىن كېيىن بىزانسلار بىلەن بىرگە كۆچۈپ كەتكەن خرىستىئان ئەرەبلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بۇنداق كۆچۈشلەر تاكى ئىستانبۇل فەتىھ قىلىنىپ، بىزانس دۆلىتى پۈتۈنلەي يىقىلغان (ھىجرى توققۇزىنچى ئەسىر) غا قەدەر داۋاملاشتى.
ئۇندىن باشقا، كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان بولۇۋالغان يەھۇدىيلارمۇ بار بولۇپ (بۇ پۈتۈنلەي ھىيلە ـ مىكىردىن ئىبارەت)، ئۇلار بويسۇندۇرۇلۇپ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى قالمىغانلىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ دوپپىلىرىغا جىگدە سېلىشنىڭ ئەڭ ئاسان ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشتى. چۈنكى ئۇلار ئىسلامدىن قاتتىق نەپرەتلىنەتتى.
ئەسلىدە ئۇلار ئۆز دىنلىرىغا قارشى چىققان ھەركىمدىن نەپرەتلىنىپ، ئۆچمەنلىك قىلسىمۇ، ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. چۈنكى ئىسلام ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن بولمىغانلارغا قىلغان دۈشمەنلىك ۋە سۇيىقەستلىرىنى، يامان غەرەز ۋە ھىيلە ـ نەيرەڭلىرىنى پۈتۈنلەي پاش قىلىپ تاشلىغانىدى. شۇڭا ئۇلار ، ھەر تۈرلۈك شەخسىيەتلەرگە پۈركۈنۈپ، ھەرخىل يول ۋە ۋاسىتىلار ئارقىلىق ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى يوق قىلىشقا ئۇرۇناتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرى ــ ئىنسانىيەت دۇنياسى ئىسلام ئادالىتىنىڭ ئەڭ ئېسىل ئۆرنەكلىرىگە شاھىد بولغان ۋە ئىسلام قۇياشى يەر يۈزىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمىغا پارلاق نۇر چاچقان دەۋر ئىدى.
كۇفە ۋالىسى مۇغىرە ئىبنى شەئبە ھەزرىتى ئۆمەردىن ئەبۇ لۇئلۇئە ئىسىملىك ئىرانلىق خىزمەتچىسى (ئەسلى ئىسمى فەيرۇز بولۇپ، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسمىنى لۇئلۇئەگە ئۆزگەرتكەن) نىڭ مەدىنىگە كىرىشىگە ۋە ئۇ يەردە يەرلىشىپ قېلىشىغا ئىجازەت قىلىشىنى ئىلتىماس قىلدى. ۋالى مۇغىرەنىڭ مەقسىتى، قولى ئەپچىل بۇ ھۈنەرۋەن ئۇستىنىڭ ئىسلام پايتەختىدە مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلام دۆلىتىگە پايدىلىق خىزمەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئىدى. چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق ۋە نەققاشلىق ھۈنەرلىرى بار ئىدى.
ئەمما، ئەپت ـ بەشىرىسى كېيىنچە ئاشكارىلانغان بۇ ئادەم ئىسلامنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولۇپ، ئىچىدە مەجۇسىيلىققا تەلپۈنسىمۇ، باشقىلارغا بىلىندۈرمەي يۈرەتتى. بەزىدە شۇنداق ئىرقچىلىق قىلغۇسى كەلسىمۇ، يەنە بەك چاندۇرۇپ كەتمەيتتى. كوچىدا ئىرانلىق بالىلارنى كۆرسىلا، پۇرسەت بىلىپ باشلىرىنى سىلاپ، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ: «ئۆمەر يۈرەك ـ باغرىمنى يەپ كەتتى» دەپ ئاھ ئۇرۇپ يۈرگەنلىكى كۆرۈلگەنىدى. ئۇ ھەردائىم پۇرسەت تېپىپ، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يولىنى مەخپى كۆزىتىپ، ھەزرىتى ئۆمەر ئۈچۈن پىلانلىغان قەبىھ سۇيىقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق پەيت كۈتەتتى.
ئەبۇ لۇئلۇئە كۆپ كۆزىتىش ئارقىلىق، ھەزرىتى ئۆمەرنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتىنىڭ ئۇنىڭ نامازغا تۇرغان ۋاقتى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. چۈنكى ھەزرىتى ئۆمەر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نامازغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھېچنىېمىدىن خەۋىرى بولمايتتى، سۇيىقەستچىمۇ كۆزلىگەن مەقسىتىگە ھېچقاندان قارشىلىققا ئۇچرىمىغان ھالدا يېتەلەيتتى. ھەزرىتى ئۆمەر ھەر قېتىم نامازغا تۇرۇشتىن بۇرۇن، سەپلەرنى ئارىلاپ جامائەتكە: «سەپلىرىڭلارنى تۈزلەڭلار!» دەپ ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، مېھرابقا ئۆتۈپ تەكبىر چۈشۈرۈشكە ئىشارەت بېرەتتى.
ھىجرىنىڭ 23 ـ يىلى، زۇلھەججە ئېيىنىڭ 23 ـ كۈنى سەھەر ۋاقتى ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر بامدات نامىزىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئادىتى بويىچە سەپلەرنى تۈزلەپ چىقتى. ئاندىن تەكبىر چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، نامازغا تۇردى.
دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ: «ئاھ، مېنى ئۆلتۈردى!» دەپ ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەبۇ لۇئلۇئە دېگەن كاپىر ئۇنىڭ ئالتە يېرىگە خەنجەر تىققانىدى. غالجىرلاشقان قاتىل بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خەنجىرىنى ئەتراپقا قالايمىقان شىلتىپ، جامائەتتىن ئون ئۈچ كىشىنى يارىدار قىلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپى يىقىلغان يېرىدە شېھىت بولدى. چوڭ ساھابە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف دەرھال ئېتىلىپ بېرىپ، سەللىسىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىش ئارقىلىق ئۇنى توختىتىۋالدى. ئەمما، ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ۋە بېشىغا نېمە ئىشلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەن ئەبۇ لۇئلۇئە ئۆزىنىڭ قانلىق قىلىچىنى ئۆزىگە تىقتى ۋە شۇ يەردىلا جان ئۈزدى.
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف دەرھال ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ باش تەرىپىگە ئۆتتى. ھەزرىتى ئۆمەر بېقىنىدىكى يارىسىنىڭ ئۈستىگە سېرىق يوپۇقتىن بىرنى ياپقان ھالدا يەردە ياتاتتى. ئۇ لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ: «اﷲ نىڭ ھۆكمى ئەمەلگە ئاشتى» دېدى. ئاندىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ جامائەتكە ئىمام بولۇپ، نامازنىڭ قالغان قىسمىنى ئادا قىلىشىنى بۇيرىغاندىن كېيىن، ھوشىدىن كەتتى. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىقى تۈپەيلىدىن نامازنى تېزلا ئوقۇپ تۈگەتتى.
جامائەتنىڭ كۆپلۈكى ۋە ناماز ۋاقتىدىكى ئىنتىزامچانلىق تۈپەيلىدىن كېيىنكى سەپتە تۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنقى سەپتە نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىدى. شۇڭا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تەكبىر ئاۋازى توختاپ قېلىشى بىلەن، ئارقا سەپتىكىلەر: «سۇبھاناللاھ! سۇبھاناللاھ!» دەپ ئىمامنى ئاگاھلاندۇرماقچى بولۇشتى. بۇ ئاۋازلار ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ نامازنى داۋاملاشتۇرۇشى بىلەن بېسىقتى.
ھەزرىتى ئۆمەر ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن: «جامائەت نامازنى ئادا قىلالىدىمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىنى ئېلىۋاتقان ۋاقتىدىمۇ، ئىسلامنىڭ بۇ چوڭ قائىدىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ لايىقىدا ئورۇنلانغان - ئورۇنلانمىغانلىقىنى سوراۋاتاتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ: «ھەئە، ناماز ئادا قىلىندى» دەپ ئۇنى خاتىرجەم قىلدى. ھەزرىتى ئۆمەر شۇ ھالى بىلەن (بەلكىم باشقىلارغا قىلىدىغان شۇنداق مۇھىم ۋەسىيەتلىرى بار بولسىمۇ، يەنە نامازنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ): «نامازغا سەل قارىغان ئادەمنىڭ ئىسلام بىلەن مۇناسىۋىتى يوق» دەپ ئەتراپتىكىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئاندىن ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە تاھارىتى ئېلىندى، ئۇ نامىزىنى ئادا قىلىۋالدى. يارىلىرىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى، جامائەت ئۇنى ئۆيىگە يۆتكىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسقا: «چىقىپ مېنى كىمنىڭ قەستلىگەنلىكىنى ئېنىق ئۇقۇپ كىرگىن!» دەپ بۇيرىدى. ئابدۇللاھ ۋەقەنى شاھىد بولغانلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق سۇيىقەستچىنىڭ مۇغىرە ئىبنى شۇئبەنىڭ خىزمەتچىسى ئەبۇ لۇئلۇئە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىر قانچە كىشىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنى ئۇقۇپ كىردى. ھەزرىتى ئۆمەر بۇ مەلۇماتلارنى ئاڭلاپ: «اﷲ قا مىڭ شۈكرى! ئاخىرەت كۈنى اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا پېشانىسى سەجدىگە بارغان بىرى مەن بىلەن ھېسابلاشمىغۇدەك» دەپ ئۆزىنى مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسىنىڭ قەستلىمىگەنلىكىگە خۇرسەن بولدى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزىنىڭ بىلىپ ـ بىلمەي بىرەر مۇسۇلماننىڭ مەنپەئەتىگە زىت بولغان قارار ياكى ھۆكۈم چىقىرىپ قويۇپ، شۇ سەۋەبتىن سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەنىدى. شۇڭا ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى يېنىغا چاقىرىپ: «چىقىپ جامائەتنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئېلىپ باققىن!» دەپ بۇيرىدى. ئابدۇللاھ جامائەتنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يېنىغا كىردى ۋە ئۇنىڭغا: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! پۈتۈن خالايىق خۇددى ئۆز بالىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك سەن ئۈچۈن قايغۇرۇپ يىغلىشىۋاتىدۇ» دېدى.
ئەنسارلاردىن بىر تېۋىپ كىرىپ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يارىسىنى تەكشۈردى. ئۇنىڭغا ئىچۈرگەن سۈتى يارىسىدىن ئېقىپ چىقىۋېدى، تېۋىپ ئۇنىڭغا: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ۋەسىيىتىڭنى قىلىۋالغىن!» دەپ ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىد قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. تېۋىپنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ئەتراپتىكىلەر ئۆكسۈپ ـ ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئۆمەر: «ماڭا يىغلاپ بەرمەڭلار! يىغلاشنى خالىغانلار تالاغا چىقىپ يىغلىسۇن!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “جىنازا بېشىدا پەرياد چېكىپ، قاتتىق يىغلىغانلار جازالىنىدۇ” دەيتتى» دەپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى.
ھەزرىتى ئۆمەر ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە مىنۇتىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە بېرىدىغان قارارىنىڭ مەنىۋىي مەسئۇلىيىتى ئاستىدا ئېزىلمەكتە ۋە قورقماقتا ئىدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەرقانداق مۇئمىن ھەر دائىم قورقۇنچ بىلەن ئۈمىد ئارىسىدا ياشايدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ۋە پۇقرالارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك قارار ۋە ھۆكۈملىرىدە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلاتتى. شۇڭا ئۇ باش ئۇچىدا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغانلارغا: «مەن ئەمدى ئۆز شەخسىيىتىم ھەققىدە ھېچنەرسىدىن قورقمايمەن. ئەمما سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭلارنىڭ كېلەچىكىدىنلا ئەنسىرەيمەن» دېدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئۇنى بۇ ئىزتىراپتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كۆڭلىنى تەسەللىي تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ھېلى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە يېقىنلىقىنى ئېسىگە سالاتتى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا: «قەسەم قىلىمەنكى، اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا ئاقلىنىپ، دوزاخ ئوتىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. مۇكاپات بېرىلمىسىمۇ مەيلى، جازا بېرىلمىسىلا مەن رازى. قەسەم قىلىمەنكى، خەلىپە بولغان كۈنۈم قانداق بولغان بولسام، خەلىپىلىكتىن ئايرىلىدىغان كۈنۈممۇ شۇنداق بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ۋەزىپەم ئۈچۈن ساۋابمۇ بېرىلمىسۇن، گۇناھمۇ يېزىلمىسۇن! مەن شۇنىڭغا رازى» دېدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ باش تەرىپىدە تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سەن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كۈنى بىزنى تېخىمۇ شەرەپلىك ئورۇنغا چىقاردىڭ، بىزنى پەخىرلەندۈردىڭ ۋە كۆپ ياردەم قىلدىڭ. ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان كۈنىڭدىن ئېتىبارەن، مۇسۇلمانلارغا زەپەر قازاندۇردۇڭ، نۇرغۇن يەرلەرنىڭ فەتىھ قىلىنىشىغا ۋەسىلە بولدۇڭ. سەن يەر يۈزىنى ئۆز ئادالىتىڭ بىلەن تولدۇردۇڭ.»
ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئىلتىپاتتىن بەكمۇ مەمنۇن بولدى. ئۇ ئابدۇللاھتىن: «راست شۇنداق ئىكەنلىكىگە اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدىمۇ گۇۋاھچى بولامسەن؟» دەپ سورىدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان ھەزرىتى ئەلى دەرھال ئابدۇللاھقا: «ھەئە دېگىن، مەنمۇ سەن بىلەن بىللە گۇۋاھچى بولىمەن» دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىشقا تىرىشتى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى يامانلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، ئوغلى ئابدۇللاھنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا قەرزلىرىنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشى ھەققىدە ۋەسىيەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يان تەرىپىگە دەپنە قىلىنىشىغا ئىجازەت سوراش ئۈچۈن مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا ئەۋەتتى ۋە مۇنداق دېدى: «بېرىپ ئۇنىڭغا: “ئۆمەر ساڭا سالام ئېيتتى” دېگىن، ھەرگىز: “ئەمىرۇل مۇئمىنىن” (مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى) دېمىگىن! مەن بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئەمىر ئەمەسمەن. ئۇنىڭغا: “ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىككى دوستىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىشى ئۈچۈن سەندىن ئىجازەت تەلەپ قىلىۋاتىدۇ” دېگىن!»
ئابدۇللاھ دادىسىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن ھەزرىتى ئائىشەنىڭ ئالدىغا باردى. ھەزرىتى ئائىشە ئۆيىدە ھەزرىتى ئۆمەر ئۈچۈن يىغلاپ ئولتۇراتتى. ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا سالام قىلغاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى. ھەزرىتى ئائىشە: «ئەسلىدە مەن بۇ ئورۇننى ئۆزەم ئۈچۈن ئېلىپ قويغانىدىم. ھەزرىتى ئۆمەر تەلەپ قىلغان بولسا، شۇنىڭ بولسۇن!» دەپ جاۋاب بەردى.
ھەزرىتى ئۆمەر بىرىنى ئۆز ئورنىغا خەلىپىلىككە تەيىنلەشنى خالىمىغان بولسىمۇ، ئوغلى ئابدۇللاھ ئۇنى بۇ ھەقتە قايىل قىلغانىدى. ئابدۇللاھ بۇ ئىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەمشىرەم ھەفسەگە يولۇقۇپ ئۆتتۈم. ئۇنىڭ ئۆرۈمە چاچلىرىدىن سۇ تامچىپ تۇراتتى. مەندىن:
ــ داداڭ ئۆز ئورنىغا بىرىنى سايلىمىغاندۇ؟ ـ دەپ سورىدى. مەن:
ــ ياق! ئۇنداق قىلمايدۇ، ـ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ:
ــ قاراپ تۇر، چوقۇم قىلىدۇ، ـ دېدى.
مەن بۇ ھەقتە دادامغا ئېغىز ئېچىش ئۈچۈن قەسەم قىلدىم. ئاندىن دادامنىڭ يېنىغا قايتتىم، بۇ مەسىلىنى ئۇنىڭغا ئېيتىشقا شۇنچىلىك ئېنتىلدىم، خۇددى ئۆشنەمگە تاغ يۈدۈۋالغاندەك بولۇپ قالغانىدىم. دادام مەندىن خەلقنىڭ ھال ـ ئەھۋالىنى سورىدى. مەن كۆرگەن ـ بىلگەنلىرىمنى ئېيتىپ بەرگەچ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ:
ــ دادا! خەلق بىر ئىش ئۈستىدە تالاش ـ تارتىش قىلىشىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنى ساڭا يەتكۈزمىسەم بولماس دەپ ئويلايمەن. بەزىلەر سېنىڭ خەلىپىلىككە ھېچكىمنى تەيىنلىمەيدىغانلىقىڭنى سۆزلەپ يۈرىدۇ. بۇ راستمۇ؟ مەن ساڭا بۇ ئىشنى مۇنداق ئىزاھلاپ بېرەي: مەسىلەن، سەن تەيىنلىگەن ۋالىلاردىن بىرىنى يېنىڭغا چاقىرتقان ۋاقتىڭدا، ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىگە قايتىپ بولغىچە، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرىنى نائىب قىلىپ تەيىنلەيسەنغۇ؟ يەنە مەسىلەن، سېنىڭ بىر پادىچىڭ بار دەپ تۇرايلى. ئۇنى يېنىڭغا چاقىرتقان ۋاقتىڭدا، باشقا بىرىنى پادىنى بېقىپ تۇرۇشقا تەيىنلىمەمسەن؟ ئۇنداق بولغانىكەن، ئەتە ـ ئۆگۈن اﷲ نىڭ ھۇزۇرىغا چىققان ۋاقتىڭدا ئۆز ئورنۇڭدا ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ئىگە بولىدىغان بىرىنى تەيىنلىمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن؟! ـ دېدىم.
دادام بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئاۋۋال قاتتىق چۆچۈگەندەك بولدى، ئاندىن چوڭقۇر ئويغا پېتىپ كەتتى. ئالدىغا ئېڭىشىپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن، بېشىنى كۆتۈرۈپ:
ــ اﷲ تائالا بۇ دىننىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر. مەن بۇ ئىشنى قانداقسىگە بىر تەرەپ قىلالايمەن. چۈنكى مەندىن بۇرۇن بۇ مەسىلىدە ماڭا ئۆرنەك بولغانلار بار. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغاندەك قىلسام، مەن ئۆز ئورنۇمغا بىرىنى تەيىنلىمەيمەن. ئەگەر ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدەك قىلماقچى بولسام، ئۇ ئۆزىدىن كېيىنكى خەلىپىنى ئۆزى تاللىغانىدى، ـ دېدى.
دادامنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ھېچكىمنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۈستۈن كۆرمەيدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن كېيىنكى خەلىپىنى تەيىنلەپ قويمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭمۇ خەلىپە تەيىنلىمەيدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. دادام يەنە مۇنداق دېدى:
ــ مەن بەزىلەر كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشقا بەكمۇ ھېرىسمەنلىكىنى بىلدىم. ئەمما مەن بۇ ئىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رازىلىقىنى ئالغان ئالتە كىشىگە تاپشۇرىمەن. ئۇلار ئۆز ئارىسىدا مەسلىھەتلىشىپ بىرىنى تاللىسۇن. ئەگەر مەن كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى ئەبۇ خۇزەيفەنىڭ ئازادگەردىسى سالىم ياكى ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئەل جەرراھ (ئىككىسىنىڭ بىرى) يېتىپ كېلەلىسە، مەن بۇ ۋەزىپىنى ئۇنىڭغا تولۇق ئىشەنچ بىلەن تاپشۇراتتىم. ئەگەر رەببىم ئۇلار ئۈچۈن مېنى سوراققا تارتسا، مەن: «سېنىڭ ئەلچىڭنىڭ ئاغزىدىن: “ئەبۇ ئۇبەيدە بۇ ئۇممەتنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىكىدۇر” دېگىنىنى؛ سالىم ھەققىدە: “سالىم اﷲ نى ھەقىقىي تونۇغان كىشىدۇر” دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن.
بۇ ئارىدا، مۇغىرە ئىبنى شەئبە ھەزرىتى ئۆمەرنى يوقلاپ كەلگەنىدى. ئۇ ھەزرىتى ئۆمەرگە:
ــ ئوغلۇڭ ئابدۇللاھنى سېنىڭ ئورنۇڭغا خەلىپىلىككە كۆرسەتسەم سايلامسەن؟ ـ دەپ تەكلىپ بەردى.
بۇ تەكلىپنى بەكمۇ ئورۇنسىز ۋە نامۇۋاپىق ھېس قىلغان ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
ــ اﷲ جېنىڭنى ئالسۇن! اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، مۇنداق ئىش مېنىڭ خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىققىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن ئۆزەم بۇ ۋەزىپىنى ياقتۇرمايدىغان تۇرسام، قانداقسىگە ئۆز ئائىلەمدىن بىرىنى بۇ مەنسەپكە قوياي؟! ئەگەر بۇ ئىشتا بىرەر پايدا بولسا، بىز ئۇنىڭغا ئاللىبۇرۇن ئېرىشتۇق. ياق، ئەگەر بۇ ئىشتا بىرەر زىيان بولسا، ئۆمەر ئائىلىسىدىن بىرىنىڭ بۇ زىياننى تارتقىنى ۋە اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ھېسابىنى بېرىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ھەم بۇ ئىشقا كۆپ كۈچەپ كەتكەنلىكتىن ئۆز ئائىلەمگە كۆڭۈل بۆلەلمىدىم. ئۇلارنى ھەركىمنىڭ پايدىلىنىش ھەققى بولغان نېئمەتلەردىن مەھرۇم قىلدىم. شۇنداق بولسىمۇ، (مۇكاپات ئۇياقتا تۇرسۇن) بۇ ئىشنىڭ ھېسابىدىن جازاسىز قۇتۇلالىسام، مەن شۇنىڭغا رازى.
ھەزرىتى ئۆمەر ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا، خەلىپە تاللاش ئىشىنى ئالتە كىشىگە تاپشۇردى. بۇ ئالتە كىشى: ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى، تەلھە، زۇبەير، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ۋە سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس قاتارلىقلار ئىدى (اﷲ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن!). ھەزرىتى ئۆمەر ئوغلى ئابدۇللاھنى ئۇلارغا مەسلىھەتچى قىلىپ قويدى، ئەمما ئۇلاردىن بىرى دەپ قارىمىدى (يەنى ئۇلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويمىدى). ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن بىرىنى خەلىپە قىلىپ تەيىنلەش ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بەردى. سۇھەيبنى بولسا، جامائەتكە ئىمام قىلىپ تەيىنلىدى.
ئىسىملىرى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئالتە كىشىدىن تەلھە بۇ چاغدا مەدىنىدە يوق بولۇپ، شەخسىي بىر ئىش ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا چىقىپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئۆمەر قالغانلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ ماڭا قاراڭلار! مەن سىلەرگە خەلىپە تاللاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردۇم. شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھازىر خەلقنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى يوق. ئەگەر بۇندىن كېيىن بىرەر بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى چىقىپ قالسا، بۇ پەقەت سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن چىقىدۇ.
سىلەر ئۈچۈڭلار: ئەي ئوسمان، ئەي ئەلى، ئەي ئابدۇرراھمان! خەلق تاللاپ قالسا، چوقۇم ئۈچۈڭلاردىن بىرىنى تاللايدۇ. شۇڭا ئەي ئەلى! ئەگەر سەن خەلىپىلىككە تەيىنلىنىپ قالساڭ، ھەرگىز (ئۆز نەسەبىڭ بولغان) بەنى ھاشىم قەبىلىسىنى خەلقنىڭ بېشىغا بالا قىلمىغىن، اﷲ تىن قورققىن!
سەن ئوسمان! ئەگەر سەن خەلىپىلىككە تەيىنلىنىپ قالساڭ، ھەرگىز (ئۆز نەسەبىڭ بولغان) بەنى ئۈمەييە قەبىلىسىنى مىللەتنىڭ گەجگىسىگە مىندۈرۈپ قويمىغىن، ئۇلارغا ئەمەل ـ مەنسەپ بەرمىگىن!
ۋە سەن ئابدۇرراھمان! ئەگەر سەن خەلىپىلىككە تەيىنلىنىپ قالساڭ، سەنمۇ ئۆز نەسەبىڭ ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭغا ئەمەل ـ مەنسەپ تۇتقۇزمىغىن، ئۇلارنى خەلققە يۈك قىلىپ قويمىغىن! ئەمدى بېرىپ ئاراڭلاردىن بىرىنى خەلىپىلىككە تەيىنلەڭلار!
ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئۆمەر: «ئەگەر ئۇلار شۇ پاينەكۋاش نى تاللىسا، بەكمۇ ياخشى بولاتتى. چۈنكى ئۇ خەلقنىڭ ئىشىنى يولىدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىرى ئىدى» دېدى. ئۇ بۇ سۆزى ئارقىلىق ھەزرىتى ئەلىنى كۆزدە تۇتقانىدى. ئوغلى ئابدۇللاھ ئۇنىڭدىن:
ــ ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ھەزرىتى ئەلىنى خەلىپە قىلىپ تەيىنلەپ قويۇشۇڭغا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى؟ ـ دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا:
ــ ئوغلۇم! مەن نىمشېھىت ھالەتتە تۇرۇپ خەلقنى باشقۇرۇشنى خالىمايمەن، ـ دەپ جاۋاب بەردى.
ھەزرىتى ئۆمەر بىر قېتىم سەئد ئىبنى ۋەققاسنى تىلغا ئېلىپ (ئۇ ئالتە كىشىگە) مۇنداق دېگەنىدى:
ــ ئەگەر سەئد خەلىپە بولۇپ سايلىنىپ قالسا، ئۇمۇ بۇ ئىشقا لايىق بىرى. ئەگەر ئۇ سايلانماي قالسا، سايلانغان كىشى ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىش قىلسۇن! مەن ئۇنى ئۆز ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولسام، بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئىشقا يارىماسلىقىدىن ياكى ھوقۇقىنى سۇيئىستېمال قىلغانلىقىدىن بولمىدى. سىلەرگە ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىمەن. ئەگەر ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، (بەنى جەدئان قەبىلىسىنىڭ ئازادگەردىسى) سۇھەيب ئۈچ كۈنگىچە خەلققە ئىمام بولۇپ تۇرسۇن. ئاندىن بىر يەرگە يىغىلىپ، ئاراڭلاردىن بىرىنى خەلىپە قىلىپ سايلاڭلار. ئەگەر كىمكى مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىر ـ مەسلىھەتىنى ئالماي تۇرۇپ، رەھبەرلىك ماقامىغا خىرىس قىلسا، دەرھال ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ تاشلاڭلار!
ساھابىلەر چىقىپ كەتتى. ھەزرىتى ئۆمەر ۋاپاتىدىن سەللا بۇرۇن ئەنسارلاردىن ئەبۇ تەلھەنى يېنىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا مۇھىم بىر ئىشنى تاپىلاپ مۇنداق دېدى:
ــ سەن بېرىپ قەبىلەڭدىن 50 كىشىنى ئال ۋە كېڭەش ئەزالىرى بولغان شۇ ئالتە كىشىنىڭ قېشىغا بارغىن. مەنچە ئۇلار ئۆز ئارىلىرىدىكى بىرىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىدۇ. سەن قول ئاستىڭدىكى ئادەملىرىڭ بىلەن ئۇلار يىغىلغان ئۆينىڭ ئىشىكىدە قاراۋۇللۇق قىل. ھېچكىمنىڭ ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلما، ئۈچ كۈن ئىچىدە بىرىنى خەلىپە قىلىپ تەيىنلەپ بولغىچە، ئارىلىرىدىن بىرەرسىنىڭ ئۇ يەرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىگىمۇ يول قويما! ھەتتا سەن شەخسەن ئۇلارنىڭ بېشىدا تۇرغىن. ئەگەر ئالتە كىشىدىن بەشى بىر ئادەمنى تاللاپ، بىرسى ئۇلارغا قارشى چىقسا، دەرھال ئۇنىڭ كاللىسىنى ئال. ئەگەر تۆت كىشى بىر ئادەمنى تاللاپ، ئىككى كىشى ئۇلارغا قارشى چىقسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ كاللىسىنى ئال. ئەگەر ئۈچ كىشى بىرىنى تاللاپ، قالغان ئۈچ كىشىمۇ باشقا بىرىنى تاللىسا، ئوغلۇم ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ بەرسۇن. ئابدۇللاھ قايسى تەرەپنى تاللىسا، شۇ تەرەپ كۆرسەتكەن ئادەم خەلىپە بولسۇن! ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوغلۇمنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ چاغدا ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەپ كۆرسەتكەن ئادەم خەلىپە بولسۇن! ئۇلار تاللىغان ئادەمنى يەنە بىر تەرەپتىكىلەر قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار. قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، تۆتىنچى كۈنى سەھەرگىچە بىرى سىلەرگە خەلىپە بولۇپ سايلىنىپ بولسۇن!
ھەزرىتى ئۆمەر سۇيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاران ئۈچ كۈن ياشىيالىدى. تۆتىنچى كۈنى، يەنى ھىجرىنىڭ 23 ـ يىلى، زۇلھەججە ئېيى تۈگەيدىغانغا تۆت كۈن قالغاندا (چارشەنبە كۈنى) ۋاپات بولدى. ئوغلى ئابدۇللاھ ئۇنى يۇيۇپ، كېپەنلىدى. نامىزىنى سۇھەيب چۈشۈردى.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپە تاللاش ھوقۇقىنى كېڭەش ئەزالىرىغا تاپشۇرۇشى ئۇنىڭ خەلىپە ۋاقتىدا يولغا قويغان سىستېمىدىن ھالقىپ چىققانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرمەكتە. چۈنكى ھەزرىتى ئۆمەر يولغا قويغان ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسى كەسكىن قارارغا تايىناتتى. گەرچە سايلام پۇرسىتى ئىنسانغا بۇرۇن يادىغا كەلمىگەن نەرسىلەرنى خاتىرىلەش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا يەنە بىرمۇنچىلىغان ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغىمۇ سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مەلۇم بىر كىشى ئالدىن تاللانسا، ھەممە كىشى ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما جەمئىيەت بۇنداق ئىشنى خالىمايتتى.
ئىنسان پسىخولوگىيىسى ئەنە شۇنداق بولۇپ، باشقىلارنى تاللاش ئىشى بولسا، ئۇنى قەتئى خالىمايدۇ، ئەگەر ئۆزىمۇ ئۇ سايلام نامزاتلىرىنىڭ ئىچىدە بولۇپ قالسا، سايلامغا پۈتۈن جېنىنى ئاتىۋېتىدۇ.
كىم بىلىدۇ؟ بەزىلەر ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان بىرىنى تەيىنلەشنىڭ ئورنىغا بۇ مەسىلىنى كېڭەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى بىر خاتالىق دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يارىلانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى، ئۆزرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن كىمنى تەيىنلەشكە قارار بېرەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يالغاندىن ئۇنى قوغداپ، خاتاسىنى يەڭگىللەتمەكچى بولۇۋالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ خەلىپە سايلىمىنى ئۆزىلا ھەل قىلىۋەتمەي ياكى بىرلا كىشىگە تاشلاپ قويماي، بەلكى كېڭەش ئەزالىرىغا تاپشۇرۇشى، ئۆزىگە قىلىنغان سۇيىقەستنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈشى، ئېغىر يارىلانغانلىقىغا قارىماي خەلقنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە (ئاخىرقى نەپسىگىچە) ئىنچىكە ئويلانغاندىن كېيىن قارار بېرىشى ئۇنىڭ نەقەدەر توغرا پىكىرلىك، نەقەدەر ئەقىل ـ ئىدراك ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى نەقەدەر ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇ ئەسلىدە مەنىۋىي كېلەچىكىدىن قورققاچقا، ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلماقچى بولۇپ، ھەر دائىم بىرىنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا تەيىنلەپ قويۇشنى ئويلاپ يۈرەتتى. ئۇ اﷲ نىڭ ھۇزۇرىغا بېرىش ئالدىدا (ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ـ دېمەكچى) يەنە بىرمۇنچە باش قاتىلاڭچىلىقىغا قېلىشنى خالىمايتتى. شۇڭا ئۆزىنىڭ ئورنىغا ھەزرىتى ئەلىنى تەيىنلەپ قويماقچىمۇ بولۇپ: «ئەگەر ئۇلار شۇ پاينەكۋاشنى تاللىسا، بەكمۇ ياخشى بولاتتى. چۈنكى ئۇ خەلقنى ئىشىنى يولىدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىرى ئىدى» دېگەنىدى. بۇنى ئاڭلىغان ئوغلى: «ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ھەزرىتى ئەلىنى خەلىپە قىلىپ تەيىنلەپ قويۇشۇڭغا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئوغلىغا: «ئوغلۇم! مەن نىمشېھىت ھالەتتە تۇرۇپ خەلقنى باشقۇرۇشنى خالىمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر ھەردائىم خەلىپىلىك ۋەزىپىسىدىن كېلىپ چىققان مەنىۋىيي مەسئۇلىيەتلەردىن بىزار بولاتتى ۋە نېرى تۇرۇشقا تىرىشاتتى. شۇڭا ئۇ: «مەن ئۆز شەخسىيىتىم ھەققىدە ھېچنەرسىدىن قورقمايمەن. ئەمما سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭلارنىڭ ئەنسىرەيمەن» دېگەنىدى. شۇنداقلا، مۇغىرە ئىبنى شەئبە ئۇنىڭغا ئوغلىنى خەلىپىلىككە تەيىنلەش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەندە، ئۇ: «اﷲ جېنىڭنى ئالسۇن! اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، مۇنداق ئىش مېنىڭ خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىققىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن ئۆزەم بۇ ۋەزىپىنى ياقتۇرمايدىغان تۇرسام، قانداقسىگە ئۆز ئائىلەمدىن بىرىنى بۇ مەنسەپكە قوياي؟! ئەگەر بۇ ئىشتا بىرەر پايدا بولسا، بىز ئۇنىڭغا ئاللىبۇرۇن ئېرىشتۇق. ياق، ئەگەر بۇ ئىشتا بىرەر زىيان بولسا، ئۆمەر ئائىلىسىدىن بىرىنىڭ بۇ زىياننى تارتقىنى ۋە اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ھېسابىنى بېرىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ھەم بۇ ئىشقا كۆپ كۈچەپ كەتكەنلىكتىن ئۆز ئائىلەمگە كۆڭۈل بۆلەلمىدىم. ئۇلارنى ھەركىمنىڭ پايدىلىنىش ھەققى بولغان نېئمەتلەردىن مەھرۇم قىلدىم. شۇنداق بولسىمۇ، (مۇكاپات ئۇياقتا تۇرسۇن) بۇ ئىشنىڭ ھېسابىدىن جازاسىز قۇتۇلالىسام، مەن شۇنىڭغا رازى» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنىمۇ كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق.
ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئۆمەر سەئد ئىبنى زەيدنى (گەرچە ئۇ كېڭەش ھەيئىتىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن بىرى بولسىمۇ) تاغىسىنىڭ ئوغلى بولغانلىقى ئۈچۈنلا كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئارىسىغا قاتمىدى.
مانا بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەزرىتى ئۆمەر بۇ مەسىلىنى كېڭەش ئەزالىرىغا تاپشۇرۇش ئارقىلىق قىيامەت كۈنى بۇ ئىشنىڭ مەنىۋىي جاۋابكارلىقىغا قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغانىدى. تاغىسىنىڭ ئوغلى كېڭەش مەجلىسىنىڭ دائىمى ئەزاسى بولسىمۇ، ئۇنى بۇ ئىشتىن نېرى تۇتتى ۋە ئۆز ئورنىنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىدى. ئۇ يېقىن كېلەچەكتە ئەمەۋىي ۋە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىدە بولغاندەك ئوغۇللارنىڭ دادىلىرى تەرىپىدىن ۋارىس بولۇپ تەيىنلەنمەسلىكى، رەھبەرلىك شەكلىنىڭ ھاكىممۇتلەق پادىشاھلىق تۈزۈمىگە ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ۋە دادىنىڭ بالىغا مىراسى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلار قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان بۇ قاراردا خاتالىق بار بولۇپ، بۇ قارار كېيىنچە قورقۇنچلۇق پاجىئەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغانىدى.
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆز ئورنىغا ھەزرىتى ئەلىنى تەيىنلەپ قويغۇسى بارلىقى ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ، بۇنى ئۇنىڭ: «ئەگەر ئۇلار شۇ پاينەكۋاشنى تاللىسا، بەكمۇ ياخشى بولاتتى. چۈنكى ئۇ خەلقنىڭ ئىشىنى يولىدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىرى ئىدى» دېگەن سۆزلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىش ـ ھەرىكەتلىرىدىنمۇ بۇنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. مەسىلەن، ئۇ ھەردائىم شەھەر سىرتىغا چىقىپ قالسا، ئۆز ئورنىغا چوقۇم ھەزرىتى ئەلىنى نائىب قىلىپ سايلاپ قوياتتى. ئۇ كېڭەش ئەزالىرىغا ئەڭ ئاخىرقى تەلىماتىنى بەرگەن ۋاقتىدىمۇ، ئاۋۋال ھەزرىتى ئەلىگە بۇرۇلۇپ: «ئەي ئەلى! ئەگەر سەن خەلىپىلىككە تەيىنلىنىپ قالساڭ، ھەرگىز (ئۆز نەسەبىڭ بولغان) بەنى ھاشىم قەبىلىسىنى خەلقنىڭ بېشىغا بالا قىلمىغىن، اﷲ دىن قورققىن!» دەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.
شۇنىسى مۇھەققەقكى، بۇ ئىشنىڭ جاۋابكارلىقى بەكمۇ ئېغىر بولغاچقا، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بۇ ئىشنى ئالتە كىشىگە تاپشۇرۇش بىلەن بىرگە، بەزىدە ئۆزىنىڭ ئورنىغا باشقا بىرىنى تەيىنلەپ قويۇشنى ئويلىشىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە ئىدى. چۈنكى، ئىدارە شەكلى ئىسلامىي بولغاچقا ئەگەر خەلىپە ئۆز ئورنىغا باشقا بىرىنى تەيىنلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، مۇشۇ چارە بىلەن ھەل قىلىپ قېلىشى مۇمكىن. خەلىپىنىڭ مۇنداق قىلىشى جىھاد ھېسابلىنىپ، بۇ ئىشى ئۈچۈن اﷲ نىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىمۇ مۇمكىن.
ھەزرىتى ئۆمەرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلارغا كەلسەك، ئۇلار مەجۇسىي، يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلارغا ئوخشاش ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەنىدى. ھەتتا بۇ ۋەقەدە بەزى بەدەۋىي قەبىلىلەرنىڭ رەئىسلىرىنىڭ رولى بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قان دەۋاسى ئۈچۈن ھۇرمۇزان، جۇفەينە ۋە قاتىل لۇئلۇئەنىڭ قىزى قاتارلىقلار ئۆلتۈرۈلدى. كەبۇل ئەخبار ئۇيەينە ئىبنى ئەل ھېسىن ۋە باشقىلارمۇ قارىلانغان بولسىمۇ، ئۆلتۈرۈلگەنلەر پەقەت يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت ئىدى.
ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئوغلى ئابدۇرراھمان مۇنداق دەيدۇ: «ھەزرىتى ئۆمەر ئۆلتۈرۈلۈشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئەبۇ لۇئلۇئە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ يېنىدا ھۇرمۇزان ۋە جۇفەينەمۇ بار ئىدى. تېز ـ تېز مېڭىپ كېتىشىۋاتاتتى. بىردىنلا مېنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كېتىشتى. ئارىلىرىدىن بىرىنىڭ قوينىدىن بىر خەنجەر يەرگە چۈشۈپ كەتتى.
بۇ خەنجەرنىڭ دەستىسى ئوتتۇرىدا بولۇپ، ئىككى بىسلىق ئىدى.
ھەزرىتى ئۆمەرگە ئۇرۇلغان خەنجەرنىڭ قانداق خەنجەر ئىكەنلىكى سۈرۈشتۈرۈلىۋىدى، خەنجەر ئابدۇرراھمان كۆرگەن خەنجەرنىڭ ئۆزى بولۇپ چىقتى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئۇبەيدۇللاھ ئابدۇرراھماننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، دەرھال سىرتقا قاراپ يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ يېنىدا قىلىچ بار ئىدى. ئۇ ھۇرمۇزان تۇرۇۋاتقان ئۆيگە كېلىپ، ئۇنى سىرتقا چاقىردى. ھۇرمۇزان سىرتقا چىقتى. ئۇبەيدۇللاھ: «مېنىڭ بىر ئېتىم بار ئىدى، مەن بىلەن بېرىپ بىر كۆرۈپ باقامسەن؟» دەپ بىر باھانە تاپتى. ئۇلار بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، ئۇبەيدۇللاھ قەدەملىرىنى ئاستىلىتىپ، ھۇرمۇزاننىڭ كەينىگە ئۆتتى ۋە قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى چېپىپ تاشلىدى.
ئۇبەيدۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ھۇرمۇزان مېنىڭ قىلىچنى قىنىدىن سۇغارغانلىقىمنى ئاڭلاپ: “لا ئىلاھە ئىللاللاھ” دەپ ۋارقىرىدى. مەن ئۇنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، جۇفەينەنىڭ يېنىغا باردىم ۋە ئۇنى سىرتقا چاقىردىم. ئۇ ھىرە خرىستىئانلىرىدىن بولۇپ، سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسنىڭ بالىسىنىڭ تەربىيىچىسى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئۇندىن باشقا، ئۇ مەدىنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى ۋە بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشقا مەسئۇل ئىدى. مەن ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغۇرغىنىمدا، ئۇ دەرھال خرىستىئانلارنىڭ ئىبادەت ھەرىكىتىنى قىلدى.»
ئۇبەيدۇللاھ بۇ ئىككىسىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن بېرىپ ئەبۇ لۇئلۇئەنىڭ كىچىك بىر قىزىنىمۇ قەتلى قىلىۋەتتى. ئۇبەيدۇللاھنىڭ ئىنتىقام ئوتى شۇ قەدەر لاۋۇلداپ كەتكەنىدىكى، ئۇ فەتىھ قىلىنغان يەرلەردىن مەدىنىگە كەلتۈرۈلگەن ياتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولغانىدى. ئەمما ساھابىلەر بۇ ئىشنى بىلىپ، دەرھال ئۇنى توستى ۋە يېڭى خەلىپىنىڭ ئۇنى سوتقا تارتىشى ئۈچۈن زىندانغا سولاپ قويۇشتى.
ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدىكى ئىسلام جەمئىيىتى
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدىكى ئىسلام جەمئىيىتى”ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى ئۇزۇن سۈرمىگەننىڭ ئۈستىگە، دۆلەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت سالىدىغان ناھايىتى زور ۋە خەتەرلىك ۋەقەلەرگە سەھنە بولغانىدى. بولۇپمۇ، مۇرتەدلىك ھەرىكەتلىرى بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىدى. تەبىئى ھالدا بۇ، ئىسلام جەمئىيىتنىڭ ساپ كىملىك ئىچىدە يېتىشىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانىدى. بۇ نەتىجە پەقەت ئاخىرقى كۈنلەردە مۇرتەدلەر كۆزدىن يوقىتىلىپ، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرىۋاتقان قالدۇقلىرى پۈتۈنلەي تارمار قىلىنغاندىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پارلاق كۆرۈنۈشى ئون يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئۆمەر دەۋرىدە ھەقىقىي تۈردە شەكىللەنگەنىدى.
ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقىي ۋە پارلاق مەنزىرىسى پەقەت ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ ئادىل ھۆكۈملىرى توغرا يولغا قويۇلغاندىلا ئاندىن شەكىللىنەلەيدۇ. ئەنە شۇ چاغدا، ئىنسانلار ئارىسىدا نە ئۈستۈنلۈك نە سىنىپ پەرقى دېگەن نەرسە قالمايدۇ. ئىسلام نىزامى ھاكىم بولغان يەرلەردە تەشۋىق ـ تەرغىباتلار بىلەنلا چەكلىنىدىغان ياكى بەلگىلىك نىسبەتتە ئىپادە قىلىنغان، دەرىجە ۋە مەنسەپكە قاراپ پەرق قىلىدىغان باراۋەرلىك ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي مەنىدىكى، مۇتلەق باراۋەرلىك باردۇر. بىز ئىسلام جەمئىيىتىنى ھەر تەرەپتىن تولۇق تەھلىل قىلىش ئۈچۈن بەزىدە ئىشنى بەلگىلىك بىر قىسمىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا باشلايمىز.
ئەمما، بۇ ھەرگىز ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پەرقلىق سىنىپ ۋە تەبىقىلەردىن تەركىب تاپقانلىقى، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت دەرىجىسى جەھەتتىن بىر ـ بىرىدىن پەرقلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس. چۈنكى ئىسلامدا ھەممە ئادەم تەڭ ـ باراۋەر ھەققە ئىگە بولۇپ، شەرىئەت ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتى ئوخشاشتۇر. بۇ ھەقتە، خەلىپە بىلەن ئاددىي پۇقرا ئارىسىدا، ھەتتا خەلىپە بىلەن غەيرى مۇسۇلمان ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدىكى جەمئىيەت ئەنە شۇنداق ئىدى.
بۇ جەمئىيەت كىشىلىرىنى (شەرىئەت ئالدىدا تەڭ ھوقۇققا ئىگە بولغاندىن سىرت) پەقەت ئۆزلىرىنىڭ سۈپەتلىرى جەھەتتىنلا تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
خەلىپە ــ خەلىپىمۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازى يوق ئىدى. ئۇ پەقەت ئۈممەتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان كىشىدىنلا ئىبارەت ئىدى ـ خالاس. خەلق ئۆزلىرىگە رەھبەرلىك قىلسۇن، ھەقلىرىنى قوغدىسۇن، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى يېتىشتۈرسۇن دەپ ھوقۇقنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇراتتى.
ھەزرىتى ئۆمەرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ بىر خەلىپە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز زىممىسىدىكى ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلگەچكە، ھەردائىم كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا ياشايتتى. شۇڭا ئۇ داۋاملىق خەلقنىڭ مەسىلىلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇ ھەر بىر مىنۇتىنى خەلقنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالماسلىقتىن ۋە بۇ سەۋەب بىلەن اﷲ ئالدىدا جاۋاب بېرەلمەسلىكتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ ئۆتكۈزەتتى. بۇ قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئۇنىڭ زېھنىگە ئورناپ كەتكەچكە، توختىماي ئىزدىنەتتى، تىرىشاتتى. كېچىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزەتتى، كىيىم ـ كېچىكى ۋە يېمەك ـ ئىچمىكى بەكمۇ ئاددىي ـ ساددا ئىدى. تەن سالامەتلىكى كۈنسېرى زەئىپلىشىپ كېتىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ خەلقنىمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ ھاردۇرۇپ قويدى. ئۇ يېڭى ـ يېڭى ئادالەت سىستېمىلىرىنى ئورنىتىش ئارقىلىق ئۆزى تەيىنلىگەن ۋالىي، قوماندان ۋە ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان خەلىپىلەرگە بەكمۇ ئېغىر يۈك ئارتىپ قويغانىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر ھەردائىم اﷲ قورقۇنچى بىلەن ياشايدىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن توختىماي كۆز يېشى قىلىپ تۇرىدىغان بىر زات ئىدى. بىرەر ئايەت ئوقۇلغان ۋاقىتتا بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتەتتى. بەزىدە شۇنداق تەسىرلىنەتتىكى، ھوشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلاتتى. ئەتراپىدىكىلەر ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياتتى. خەلق ئۇنى كېسەل دەپ ئويلاپ، يوقلاپ كېلىشەتتى. بۇ روھىي ھالەت ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، توختىماي كۆز يېشى قىلغاچقا، مەڭزىدە ئىككى قارا سىزىق پەيدا بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇقۇلداپ يىغلىغان ئاۋازىنى بەزىدە جامائەتنىڭ ئارقا سەپلىرىدىكىلەرمۇ ئاڭلايتتى.
ھەزرىتى ئەلى مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئەلى مۇنداق دەيدۇ:”بىر كۈنى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۇلىغىغا مېنىپ ئالدىراش ـ تېنەش كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭدىن:
-
ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! نەگە ماڭدىڭ؟ ـ دەپ سورىدىم. ئۇ:
-
دۆلەتكە تەۋە تۆگىلەردىن بىرى قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇنى ئىزدەپ ماڭدىم، ـ دېدى. مەن:
-
ماڭا ئىشەنگەنكى، سەندىن كېيىن كېلىدىغان خەلىپىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بەكمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىغان بولدۇڭ، ـ دېدىم. ئۇ:
-
ھەزرىتى مۇھەممەدنى ھەق پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن اﷲ غا قەسەم قىلىمەنكى، ھۆكۈمرانلىقىمىز ئاستىدىكى ئەڭ يىراق يەر بولغان فىرات دەرياسىنىڭ بويىدا بىر ئۆچكە يۈتۈپ كەتسە، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ھېسابى ئۆمەردىن ئېلىنىدۇ، ـ دەپ جاۋاب بەردى.
ھەزرىتى ئۆمەر فەتىھ ھەرىكەتلىرى داۋامىدا مەدىنىگە توشۇپ كېلىنگەن غەنىمەت ماللارنى ئۆزى ئۈچۈن بىر ئىمتىھان دەپ قارايتتى ۋە اﷲ نىڭ بۇ ماللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ (ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ) ئادىل ۋە دۇرۇستلۇقىنى سېنىماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى:
«شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بۇ بايلىقلار، بۇ ماللار نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياكى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ دەۋرىدە كەلمەي، مېنىڭ دەۋرىمدە كېلىشكە باشلىدى. اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ (اﷲ) بۇ بايلىقلارنى ئۆز ئەلچىسى ۋە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە ئەۋەتمەسلىكى ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بولمىغىنىدەك، ماڭا ئەۋەتىشىمۇ مېنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەستۇر.»
ھەزرىتى ئۆمەر ھەر دائىم ئۆز ـ ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھېچكىمدىن پەرقى يوق ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ تۇراتتى. بىر قېتىم ئۇ مۇنبەردە تۇرۇپ خەلققە خىتاب قىلىۋېتىپ:
«ئەي خالايىق! مەن بەنى مەھزۇن قەبىلىسىگە تەۋە ھاممىلىرىمنى پات ـ پات يوقلاپ، ئۇلارغا سوغۇق سۇ ئاپىرىپ بېرەتتىم. ئۇلارمۇ مېنىڭ ئالقىنىمغا خورما ياكى قۇرۇق ئۈزۈم تۇتقۇزۇپ قوياتتى» دەپ قويۇپلا، سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇنبەردىن يېنىپ چۈشتى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ئۇقمالمىغان ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ:
- ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سەن ئۇ گەپلىرىڭ ئارقىلىق بىزگە نېمە دېمەكچى ئىدىڭ؟ ـ دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئۆمەر:
ـ ئەي ئىبنى ئەۋف! مەن ئەسلىدە ئۇ گەپنى ئۆز نەپسىمگە دېگەنىدىم. چۈنكى ھاممام ماڭا: «سەن مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى سەن. سەن بىلەن اﷲ نىڭ ئارىسىدا ھېچكىم يوق. ھازىر سەندىن ئۇلۇغ كىم بار؟!» دېگەندەك (نەپسىمنى يولدىن چىقىرىدىغان) سۆزلەرنى قىلغانىدى. شۇڭا مەنمۇ ئۆز نەپسىمنىڭ ھەددىدىن ئاشماسلىقى ئۈچۈن ئۇ سۆزلەرنى قىلدىم، ـ دېدى.
بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئولتۇرۇپ، ئۆز نەپسىنى ھېسابقا تارتىپ بېقىش ــ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئادىتى ئىدى. ئەگەر ئۇ ئىش دۇرۇست كۆرۈنسە، دەرھال تۇتۇش قىلاتتى. ئەكسىچە بولۇپ قالسا، ئۆز نەپسىنى سوتلايتتى، ھەتتا كۆزلىرى ياشاڭغىراپ، يىغلاشقا باشلايتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئالدىنقى سەپلەرنىڭ بىرىگە قوماندان قىلىپ تەيىنلىگەن ئەل ئەھنەف ئىبنى قەيس مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يېنىدا تۇرسام، بىرى ئالدىراش ـ تېنەش يېتىپ كېلىپ:
ــ ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مەن پالانچىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىدىم. ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن بىلەن بىللە بېرىپ، مېنى قوغدىغىن!…. دەپ شىكايەت قىلدى. ئۇ ئادەم بەكمۇ غەۋغا چىقىرىپ كەتكەچكە، ھەزرىتى ئۆمەر ئاچچىقلاپ، قولىدىكى چىۋىقنى ئۇنىڭ بېشىغا تەڭلەپ تۇرۇپ:
ــ سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ دۆلەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان خەلىپىنىڭ ئالدىغا ئۆزەڭلارنىڭ ئاددىي مەسىلەڭلار ئۈچۈن كېلىپ: “مېنى قوغدا، مېنى قوغدا!” دەپ ۋارقىراپ بېشىڭلارغا كىيىۋالىدىكەنسىلەر…. دېدى. ئۇ ئادەم ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ، كەلگىنىگە پۇشايمان قىلىپ قايتىپ كەتتى. ئارىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەي تۇرۇپ، ھەزرىتى ئۆمەر ئۇ ئادەمگە ئازار بەرگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئۆكۈندى ۋە:
ــ دەرھال ئۇ ئادەمنى تېپىپ كېلىڭلار! ـ دەپ بۇيرىدى. ئۇ ئادەم ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، قولىدىكى چىۋىقنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ:
ــ مەن سېنى ئۇرغاندەك، سەنمۇ مېنى ئۇرۇپ ئۆچۈڭنى ئالغىن! ـ دېدى. ئۇ ئادەم چۆچۈگەن ھالدا:
ــ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن. مەن ھەققىمنى اﷲ قا ۋە ساڭا ھاۋالە قىلىمەن، ـ دېدى.
ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭ سۆزىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ:
ــ بۇ سۆزۈڭ خاتا بولدى. ھەققىڭنى يا اﷲ نىڭ ساڭا مۇكاپات ئېھسان قىلىشى ئۈچۈن ھالال قىلساڭ ياكى مېنىڭ يۈز ـ خاتىرەم ئۈچۈن بېغىشلىساڭ بولىدۇ. ھەم شۇنداق قىلساڭ، مېنىڭمۇ بۇندىن خەۋىرىم بولىدۇ، ـ دەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئادەم:
ــ اﷲ نىڭ رازىلىقىغا نائىل بولۇش ئۈچۈن ھەققىمنى ھالال قىلدىم، ـ دېدى.
شۇ ئىشتىن كېيىن مەن ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ ئاۋۋال ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. ئاندىن ئولتۇرۇپ ئۆز ـ ئۆزىگە: «ئەي بەنى خەتتاب! سەن ئادەتتىكى بىر ئادەم ئىدىڭ، اﷲ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى ئۈستۈن قىلدى. سەن زالالەت ئىچىدىكى ئازغۇن بىرى ئىدىڭ، اﷲ ساڭا توغرا يولنى كۆرسەتتى. سېنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنۇڭ بەكمۇ تۆۋەن ئىدى، اﷲ ساڭا شان ـ شەرەپ، نام ـ ئاتاق ئاتا قىلدى. مانا ئەمدى بىر ئادەم سەندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلسە، سەن ئۇنىڭغا تاياق تەڭلەۋاتىسەن. ئەتە ـ ئۆگۈن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا بارغاندا، ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن؟» دەپ ئۆز نەپسىنى شۇنداق تەنقىدلىدىكى، يەر يۈزىدە ئۇنىڭدىنمۇ ئالىجاناپ، پەزىلەتلىك بىرىنىڭ بارلىقىغا قەتئىي ئىشەنچىمىز قالمىغانىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر ناھايىتى ئاددىي نەرسىلەر بىلەن قورساق تويغۇزۇشقا تىرىشاتتى. بىر ۋاق تامىقىغا بىرلا خىل تائامدىن باشقا نەرسە يېمەيتتى. دۇنيا ھاياتىنىڭ لەززىتى، دەبدەبىسى ۋە ھەشەمىتىدىن بەكمۇ يىراق ئىدى.
ئۇ ھەر قېتىم: (سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر( دېگەن ئايەتنى ئوقۇسىلا دىر ـ دىر تىترەپ كېتەتتى.
شۇڭا ئۇ ئەڭ يوقسۇل كىشىلەر ئاران تېپىپ يېيەلەيدىغان نەرسىلەرنى يەيتتى. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
بىر كۈنى ھەزرىتى ئۆمەرگە يولۇقۇپ قالدىم، مېنىڭ قولۇمدا ئازراق گۆش بار ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر مەندىن:
ــ قولۇڭدىكى نېمە؟ ـ دەپ سورىدى. مەن:
ــ گۆش يېگۈم كەلگەنتى، ئازراق سېتىۋالدىم، ـ دېدىم. ئۇ:
ــ ھەر قېتىم مۇشۇنداق يېگۈم كەلدى دەپلا بېرىپ سېتىۋالامسەن؟ سەن اﷲ تائالانىڭ: (سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار( دېگەن ئايىتىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ ـ دەپ مېنى تەنبىھلىدى.
بىر قېتىم ھەزرىتى ئۆمەر قىزى ھەفسە (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى) نى يوقلاپ ئۆيىگە كەلدى. قىزى ئۇنىڭ ئالدىغا بىر قاچا شورپا نان قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق ياغ قۇيۇپ بەرمەكچى بولۇۋېدى، ھەزرىتى ئۆمەر دەرھال:
ــ قىزىم نېمە قىلىۋاتىسەن؟ بىر قاچىدا ئىككى خىل تائام يېسەك قانداق بولىدۇ؟ قەسەم قىلىمەنكى، اﷲ نىڭ دەرگاھىغا بارغىچە مۇنداق تائامنى ھەرگىز يېمەيمەن! ـ دەپ تاماقنى رەت قىلدى.
ھەزرىتى ئۆمەر فەتىھ قىلىنغان شام شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ باردى. ئۇنىڭ شەرىپىگە زىياپەت تەييارلانغان بولۇپ، زىياپەتتىكى تائاملارنىڭ كۆپىنچىسىنى ھەزرىتى ئۆمەر كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ دەرھال ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئەتراپىغا يىغىلغان قوماندانلاردىن:
ــ بىز بۇ تائاملارنى يەپ ئولتۇرساق، قورسىقىغا يېگۈدەك ئارپا نېنىنىمۇ تاپالماي، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان يوقسۇل مۇسۇلمانلارنىڭ ھالى نېمە بولىدۇ؟ ـ دەپ سورىدى. داڭلىق قوماندان خالىد ئىبنى ۋەلىد ئۇنىڭغا:
ــ ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى جەننەت بولسۇن! ـ دەپ جاۋاب بەردى.
ئەمما بۇ جاۋاب ھەزرىتى ئۆمەرگە ياقمىغانىدى، ئۇ ئولتۇرغان يېرىدە كۆز يېشىنى تۆكۈشكە باشلىدى. بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن:
ــ ئەگەر بىزنىڭ نېسىۋىمىز بۇ لەززەتلىك ۋە ھەر تۈرلۈك تائام، ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى جەننەت بولىدىغان بولسا، بۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا بەكمۇ چوڭ پەرق بار دېگەنلىكتۇر، ـ دەپ ئۆز ـ ئۆزىگە تەسەللى بەردى.
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ كىيىم ـ كېچىكىمۇ ناھايىتى ئاددىي ۋە ئەڭ ئەرزان باھالىق كىيىملەر ئىدى. كىيىم ـ كېچەك ياكى ئايىقى ھەردائىم ياماقلىق ئىدى. قىممەت باھالىق، سۈپەتلىك رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرنى قەتئىي كىيمەيتتى. يەنى ئۇنىڭ ھاياتى بەكمۇ قىيىن ۋە چىدىغۇسىز دەرىجىدە مۇشكۈلاتچىلىق ئىچىدە ئۆتتى. شۇڭا ئۇ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ قىزى ئۇممۇ گۈلسۈمگە ھەزرىتى ئائىشەنى ئەلچى قىلىپ كىرگۈزگەندە، ئۇممۇ گۈلسۈم:
ــ ئۇنىڭغا ئېھتىياجىم يوق، ـ دەپ تەلىۋىنى رەت قىلدى. ھەزرىتى ئائىشە ئۆز سىڭلىسىغا:
ــ سەن مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ ئايالى بولۇشنى خالىمامسەن؟- دەپ سورىغانىدى، ئۇممۇ گۈلسۈم:
ــ ئەلۋەتتە خالىمايمەن. چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتى يوقسۇللۇق ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللارغا بەكمۇ قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ، ـ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
ئۇندىن باشقا، ئۇتبە ئىبنى رابىئەنىڭ قىزى ئۇممۇ ئەببانمۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆيلىنىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ: «ئۇ ئىشىكىنى ھەمىشە سىرتىدىن تاقاپ قويىدۇ. دۇنيا ھاياتىغا ئازراقمۇ بېرىلمەيدۇ. قاچانلا قارىسا، توڭ قاپاق يۈرىدۇ» دەپ ۋايسىغانىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەقىقەتەن قوپال مۇئامىلە قىلاتتى. خەلقنى بىرەر ئىشتىن چەكلىمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆيىگە كېلىپ، ھەممەيلەننى بىر يەرگە يىغاتتى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دەيتتى:
«ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! مەن خەلقنى ماۋۇ ـ ماۋۇ ئىشلاردىن چەكلىدىم. سىلەرمۇ ئېنىق بىلىسىلەر، خۇددى قۇزغۇننىڭ كۆزى تاپتا بولغىنىدەك، خەلقنىڭ كۆزى ھەمىشە سىلەردە. ئەگەر سىلەر چەكلەنگەن ئىشنى قىلىپ قويساڭلار، خەلق سىلەرنى دوراپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە يۈزلىنىدۇ. شۇڭا، اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، ئاراڭلاردا كىم مېنىڭ ئالدىمغا جىنايەتچى سۈپىتىدە ئېلىپ كېلىنىدىغان بولسا، ئائىلەم ياكى تۇغقىنىم دېمەي، باشقىلارغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق جازالايمەن. گېپىمنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداق بولسا، خالىغان جىنايەت ئۆتكۈزسۇن، خالىغانلار ئىش ـ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلسۇن!»
ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزىنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىنى دۆلەت ئىشىغا ھەرگىز يېقىنلاشتۇرمايتتى، ئۇلارنىڭ بىرەر ئىشقا مەسئۇل بولۇشىغا قەتئىي قارشى چىقاتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ تىجارەت قىلىشىنىمۇ چەكلىگەنىدى. چۈنكى خەلق ئۇنىڭدىن: “ئۆز يېقىنلىرىغا ماددى قولايلىقلار يارىتىپ بەردى” دەپ گۇمان قىلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇ، كېچىچە ناماز ئوقۇيتتى، يېرىم كېچە بولغاندا، بالا ـ چاقىلىرىنى نامازغا ئويغىتىپ: ((ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرىغىن، ئۆزەڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر( دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ يادىغا سالاتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئۆز ئەمرىدىكى مەسئۇل كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بالىلىرىغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلغانلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن بالىلىرىنىمۇ ئېغىر جازالايتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە مىسىرنىڭ ۋالىسى بولغان، داڭلىق قوماندان ۋە دۆلەت مۆتىۋىرى ئەمر ئىبنى ئاس ھەزرىتى ئۆمەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەسلەپ مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەنىدى:
«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن كېيىن، اﷲ تىن ھەزرىتى ئۆمەردەك قورقۇدىغان بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇ دادا، بالا دېمەي، كىم جىنايەت ئىشلىگەن بولسا، قەتئىي كەچۈرۈم قىلماي، تېگىشلىك جازاسىنى بېرەتتى.
قەسەم قىلىمەنكى، بىر كۈنى مەن (مىسىردىكى) ئۆيدە ئولتۇراتتىم. خىزمەتچى كېلىپ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇرراھمان بىلەن ئەبۇ سەرۇئە ئىسىملىك بىرىنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىجازەت سوراپ ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆيگە كىرىشكە ئىجازەت قىلدىم. قارىسام، ھەر ئىككىسى خاپىغان كۆرۈنەتتى. ئۇلار ماڭا:
ــ بىزگە اﷲ نىڭ شەرىئىتىگە ئۇيغۇن جازا بەرگىن! تۈنۈگۈن كەچتە بۇ ئىككىمىز شاراب ئىچىپ، مەست بولدۇق، ـ دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
مەن ئاۋۋال ئۇلارغا قاتتىق تىل ـ ئاھانەت بىلەن ئازار بەردىم، ئاندىن:
ــ كۆزۈمدىن يوقۇلۇش! ـ دەپ قوغلىدىم. ئەمما ئابدۇرراھمان ماڭا:
ــ ئەگەر بىزگە جازا بەرمىسەڭ، مەدىنىگە قايتقاندا سېنىڭ ئۈستۈڭدىن دادامغا ئەرز قىلىمەن! ـ دېمەسمۇ؟! قارىسام، ئابدۇرراھماننىڭ پوزىتسىيىسى قەتئىي ئىدى. ئەگەر ھەزرىتى ئۆمەر مېنىڭ ئۇلارنى جازالىمىغانلىقىمنى بىلىپ قالسا، مېنى بۇ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ، قىرىقتىن دەررە ئۇرغۇزدۇم. دەررىدىن كېيىن، ئابدۇرراھمان بىر بۇلۇڭغا بېرىپ، چاچ ـ ساقىلىنى چۈشۈرۈشكە باشلىدى. بۇ بىر ئادەت بولۇپ، جازاغا تارتىلغان كىشىنىڭ چاچ ـ ساقىلى چۈشۈرۈلەتتى.
اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇ ئىش توغرۇلۇق ھەزرىتى ئۆمەرگە ھېچقانداق مەلۇمات يوللىمىغانىدىم. بىر كۈنى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. خەتتىن ئۇنىڭ قانچىلىك ئاچچىقلانغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. خېتىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى:
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
اﷲ نىڭ بەندىسى ئۆمەردىن ئىسيانكارنىڭ بالىسى ئىسيانكارغا:
ئەي ئەمر ئىبنى ئاس! مېنىڭ ئەمىرلىرىمگە قارشى چىققانلىقىڭغا ۋە قىلغان يولسىزلىقىڭغا بەكمۇ ھەيران قالدىم. سېنى ۋەزىپەڭدىن ئېلىپ تاشلاشتىن باشقا چارەم يوق. ئابدۇررەھماننىڭ جازاسىنى ئۆيۈڭنىڭ تۆت تېمى ئىچىدە بېرىپ، چاچ ـ ساقىلىنىمۇ ئۆيدە چۈشۈردۈڭ (ئۇنى سىرتقا چىقىرىپ سازايى قىلمىدىڭ) شۇنداقمۇ؟ بۇ ئىشىڭنىڭ مېنىڭ ئەمرلىرىمگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ ئابدۇررەھمان سېنىڭ ئەمرىڭدە ياشايدىغان ئاددىي پۇقرادىن باشقا نەرسە ئەمەس. باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلماي، ئۆزەڭچە: «بۇ خەلىپىنىڭ ئوغلى» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلدىڭمۇ؟ اﷲ نىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنۇش جەھەتتە مەن ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئوخشاش. خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەرھال ئابدۇررەھماننى بىر يەكتەككە يۆگەپ، مالنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ماڭا ئەۋەتكىن! ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ جازاسى ئۈچۈن مۇشۇ يەرگىچە شۇ پېتى كەلسۇن!
ئەمر ئىبنى ئاس خەلىپىنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئابدۇررەھماننى مەدىنىگە يوللىدى. ئاندىن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئابدۇللاھ ئارقىلىق بىر پارچە مەكتۇب يوللاپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى. خېتىدە مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى: «…ئەڭ ئۇلۇغ اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى غەيرى مۇسۇلمان بولسۇن، جىنايەت ئۆتكۈزگەن پۇقرانىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئۆيۈمنىڭ ھويلىسىدا جازالايمەن…
»
ئابدۇررەھمان مەدىنىگە كەلتۈرۈلۈپ، يەكتەككە يۆگەلگەن پېتى دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىلدى. ئۇلىغى تۈگىشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر قەدەم ماڭغۇدەك ھالى قالمىغان ئىدى. ھەزرىتى ئۇنى كۆرۈپلا ناھايىتى قوپاللىق بىلەن:
ــ ئابدۇررەھمان! ئاخىرى قىلغۇلۇقۇڭنى قىلدىڭ - ھە؟- دېدى. بۇ ياش يىگىتنىڭ پەرىشان ھالىنى كۆرگەن ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئىچى ئېچىشىپ كەتتى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئارىغا كىرىپ:
ــ ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئوغلۇڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتىپ بوپتۇ، ـ دېدى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئوغلى ئابدۇررەھمان: ـ مەن كېسەل بولۇپ قالدىم. مېنى يەنە نېمە قىلماقچىسەن؟ سەن مېنىڭ قاتىلىم سەن! ـ دەپ ۋارقىرايتتى. ئەپسۇس! ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىدى ۋە ئۇنىڭغا (ئىككىنچى قېتىم) جازا بېرىپ، زىندانغا تاشلىدى. ئابدۇررەھماننىڭ كېسىلى زىنداندا ئېغىرلىشىپ، كۆپ ئۆتمەي ۋاپات بولدى.
ئەمدى ھەزرىتى ئۆمەر تەيىنلىگەن ۋالىي، ھاكىملارغا كەلسەك، ئۇ كۆپىنچە ھاللاردا، ئىبادەت ۋە دىنىي ئىشلارغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىسىمۇ، ئىشەنچلىك ۋە كۈچتۈڭگۈر ئادەملەرنى تەيىنلەيتتى. چۈنكى ئىبادەت ۋە دىنىي مەجبۇرىييەتلەرنىڭ پايدىسى ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاستۇر. ئەگەر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كىشى پەزىلەتلىك، لېكىن باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ قالسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ زىيىنى ئۈممەتكە بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ كىشى ئەڭ مۇھىمى كۈچلۈك ۋە قابىلىيەتلىك بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاق ـ پەزىلىتىدە بىر نۇقسان بولسا، زىيىنىنى ئۆزى تارتىدۇ، ئەمما ئۈممەت ئۇنىڭ كۈچى ۋە قابىلىيىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ۋالىلىققا ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ساھابىلىرىنى تەيىنلەيتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ قابىلىيەتلىكلىرىنى تاللايتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «ئەگەر مەن بىر كىشىنى بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىنمۇ قابىلىيەتلىك بىرىنى ئۇچراتسام، ئىچىم سىقىلىپ، بەكمۇ بىئارام بولۇپ كېتىمەن».
دەرۋەقە، ھەزرىتى ئۆمەر مۇغىرە ئىبنى شەئبە، ئەمر ئىبنى ئاس، مۇئاۋىيە قاتارلىق زاتلارنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىگەن ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى، تەلھە، زۇبەير، ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف ۋە سەئد ئىبنى زەييىد قاتارلىق (بۇ دۇنيادىكى چېغىدىلا جەننەتنىڭ خۇش بېشارىتى بېرىلگەن) ئەڭ مۇنەۋۋەر ساھابىلەر تېخى ھايات ئىدى. ئەمما ئالدىنقىلىرى كېيىنكىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە قابىلىيەتلىك بولغاچقا، ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنىدى. ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئۆمەر ھەردائىم ئۆزى تەيىنلىگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىگەللەپ، ئۇلارنى كونترول قىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭمۇ ھەزرىتى ئۆمەردىن تەپ تارتىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىشى لازىم ئىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر بۇ مۇنەۋۋەر ساھابىلەرنى ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ باش ئاغرىقىغا ئارىلاشتۇرۇشنى خالىمايتتى. ھەتتا ئۇ بەنى ھاشىم قەبىلىسىنىڭ ئەزالىرىغا ئاساسىي جەھەتتىن ۋەزىپە بەرمىدى. (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان يېقىنلىق ۋە ئارىلىرىدىكى تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنداق قىلدى ھەم ئۇلارنىڭ دۇنيا ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، نامىنى بۇلغىشىنىمۇ خالىمايتتى.) ئۇنىڭ ھەزرىتى ئابباسنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھقا: «بىلىشىمچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەردائىم باشقىلىرىغا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، سىلەرنى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشتۇرمايتتى» دېگىنى راست ئىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر بىر كىشىنى مۇھىم بىر ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ مېلىغا يولسىزلىق قىلماسلىقىنى ۋە ھېچكىمنىڭ جېنىغا زامىن بولماسلىقىنى، ئەمەل ۋە ھوقۇقىنى ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ كوزىرىغا ئايلاندۇرۇۋالماسلىقىنى تەلەپ قىلاتتى. ۋالىلىققا تەيىنلىگەن كىشىلەرگىمۇ مۇشۇ مەنىدە بىر ئاگاھلاندۇرۇش خېتى ئەۋەتىپ، ئەنسار ۋە مۇھاجىر ساھابىلەردىن بىر نەچچىنى بۇ ئىشقا گۇۋاھچى قىلاتتى.
ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش خېتىنىڭ مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇنداق بولاتتى: «مەن سېنى مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى ۋە جېنىغا زامىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئىمام بولۇش، ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇلارنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرۇش ئۈچۈن خەلىپە قىلىپ تەيىنلىدىم.»
ھەزرىتى ئۆمەر ۋەزىپە بېشىدىكى كىشىلەرنى ھەمىشە كونترول قىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمىكى، كىيىم ـ كېچىكى ۋە تۇرالغۇ جايلىرىغىچە تەكشۈرۈپ تۇراتتى ۋە پات ـ پات ئۇلاردىن ھېساب ئالاتتى. ئۇندىن باشقا، ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە بارلىق ۋالىلارنى ئۆزىنىڭ يېنىغا چاقىراتتى ۋە خەلقتىن ۋالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان - قىلمىغانلىقىنى، شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى توغرا ئىجرا قىلغان ـ قىلمىغانلىقىنى سوراپ، سۈرۈشتە قىلاتتى ۋە ئۇلارنىڭ ۋالىلىرى ھەققىدىكى ئەرز ـ شىكايەتلىرىگە قۇلاق سالاتتى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ۋالىلارنى تەپتىش قىلىدىغان مۇپەتتىشلارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ھەزرىتى ئۆمەر ۋالىلاردىن بىرىنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت تاپشۇرۇلغان ھامان بۇ زاتنى ئەھۋال ئىگەللەشكە ئەۋەتەتتى. مەسىلەن، بىر قېتىم ئۇنى ئىراق ۋالىسى سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس ھەققىدە مەلۇمات ئىگەللەش ئۈچۈن ئەۋەتكەنىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزى تەيىنلىگەن قوماندان ۋە ۋالىلاردىن مۇغىرە ئىبنى شەئبە، ئەمر ئىبنى ئاس، قۇدامە ئىبنى مەزئۇن، سەئد ئىبنى ئامىر، ئەيياد ئىبنى غەنەم ۋە باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرز - شىكايەتلەرنى ئاڭلىغانىدى. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقىنى مىسىر ۋالىسى ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان غەلىتە شىكايەت ئىدى.
ئەنەس بۇ ۋەقەنى مۇنداق نەقىل قىلىدۇ:
«بىر كۈنى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. مىسىردىن كەلگەن بىر كىشى ھەزرىتى ئۆمەردىن ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن:
ــ ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۇ يەر پەقەت سەندىن مەدەت تىلەيدىغانلار كېلىپ، مۇراجىئەت قىلىدىغان يەردۇر،- دەپ ۋايساشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئۆمەر دىققىتىنى ئۇنىڭغا بۇراپ: ـ نېمە ئىش يۈز بەردى؟ قېنى ئېيتقىن! ـ دېدى. ئۇ ئادەم: ــ بىزنىڭ ۋالى ئەمر ئىبنى ئاس ئات بەيگىسى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. مەنمۇ بەيگىگە قاتناشتىم ۋە بىرىنچى بولدۇم. تاماشىبىن خەلقمۇ بۇنى كۆرۈپ تۇردى. ئەمما، ۋالىنىڭ ئوغلى (ئۇمۇ بەيگىگە قاتناشقانىدى) مۇھەممەد ئىبنى ئەمر كېلىپ:
ــ ياق! كەئبىنىڭ رەببىگە قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ ئېتىم بىرىنچى بولدى،- دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇ ماڭا يېقىنلاپ كېلىۋىدى، ئۇنى تونىدىم ۋە مەنمۇ:
ــ كەئبىنىڭ رەببىگە قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ ئېتىم بىرىنچى بولدى، ـ دەپ ئېتىراز بىلدۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن، مۇھەممەد غەزەپلىنىپ، مېنى قامچىلاشقا باشلىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن:
ــ ئاڭلاپ قوي! مەن ئېسىلزادە ئاتا ـ ئانىنىڭ ئوغلىمەن، ـ دەپ ۋارقىرايتتى. بۇ ۋەقە كېيىنچە ۋالىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ئۇ مېنىڭ ساڭا ئەرز قىلىشىمدىن قورقۇپ، مېنى زىندانغا پالىدى. ئەمما مەن بىر ئامال قىلىپ قاچتىم. مانا ھازىر سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتىمەن، ـ دېدى.
بۇ مىسىرلىق (قىبتى) سۆزىنى تۈگەتتى. ھەزرىتى ئۆمەر ھېچنېمە دېمىدى.
ئۇنىڭغا پەقەت:
ــ ئولتۇرغىن! ـ دېگەندىن كېيىن، مىسىر ۋالىسىغا: «بۇ مەكتۇبنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەرھال ئوغلۇڭ مۇھەممەد بىلەن بىللە يېنىمغا كەلگىن!» دەپ مەكتۇب يوللىدى. ئاندىن مىسىرلىققا قاراپ: ـ ئەمر كەلگىچە سەن باشقا يەرگە كەتمەي تۇرغىن! ـ دەپ جېكىلىدى.
مىسىر ۋالىسى ئەمر ئىبنى ئاس مەكتۇبنى كۆرۈپ بەكمۇ ئالاقزادە بولۇپ كېتىپتۇ ۋە ئوغلىنى چاقىرىپ:
ــ ئوغلۇم بىرەر ئىش قىلىپ قويدۇڭمۇ؟ بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزدۇڭمۇ؟ ـ دەپ سوراپتۇ. ئوغلى:
ــ ياق دادا! نېمە بولدى؟ ـ دەپتۇ. ئەمر:
ــ ئۇنداقتا، خەلىپە سېنى نېمىشقا چاقىرغاندۇ؟ ـ دەپ ئەنسىرەپتۇ ۋە قورقۇشقا باشلاپتۇ.
ئەمر ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ جىددىي تەلىماتىغا بىنائەن ئوغلى مۇھەممەدنى ئېلىپ مەدىنىگە يېتىپ كەلدى. قەسەم قىلىمەنكى يەنە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم. ھەردائىم شۇنداق رەتلىك كېيىنىپ يۈرىدىغان ئەمر ئىبنى ئاس بەكمۇ ئاۋارە كىيىملەر بىلەن كىرىپ كەلدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى كۆرۈپ، ئوغلىنىڭ كەلگەن ـ كەلمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن بوينىنى سوزۇپ ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىگە قارىدى. ئاندىن ئەتراپىدىكىلەردىن:
ــ ھېلىقى مىسىرلىق نەدە؟ ـ دەپ سورىدى. مىسىرلىق ئوتتۇرىغا چىقىپ:
ــ مانا مەن، ـ دېدى. ھەزرىتى ئۆمەر قولىدىكى تاياقنى ئۇنىڭ قولىغا ئۇزىتىپ: ـ ئال، سېنى ئۇرغان شۇ ئېسىلزادىنى ئۇرغىن! ـ دەپ ئەمىر قىلدى. مىسىرلىق تاياقنى ئېلىپ مۇھەممەدنى دادىسىنىڭ كۆزى ئالدىدا بولۇشىغا ئۇردى. (راستىنى ئېيتسام) ئەتراپتا قاراپ تۇرغان ھەممەيلەن ئۇنىڭ تاياق يېيىشىنى خوپ كۆرەتتۇق. ئەمما مىسىرلىق ئۇنى شۇنداق قاتتىق ئۇردىكى، ئۇنىڭغا ئىچىمىز ئاغرىپ كەتتى ۋە ئىچىمىزدە ئەمدى توختاپ قالغان بولسىچۇ دەپ كەتتۇق. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر پات ـ پات:
ــ ئۇر! شۇ ئېسىلزادىنى ئوبدانراق ئۇر! ـ دەپ ۋارقىراپ تۇراتتى. ھەتتا ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي، مىسىرلىققا:
ــ ئەمدى ئەمرنىڭ شۇ تاز بېشىغا ئۇر! اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، ئوغلى دادىسىنىڭ مەنسىپىگە ئىشەنمىسە، سېنى ھەرگىز ئۇرمايتتى، ـ دېدى.
مىسىرلىق ئاتا ـ بالا ئىككىسىنى ئۇرۇشتىن توختاپ:
ــ ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مەن ئۆچۈمنى ئالدىم، پۇخارىمدىنمۇ چىقتىم. مېنى ئۇرغاننى مەنمۇ ئۇرۇۋالدىم، مۇشۇنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن يېتەرلىك، ـ دېدى. ھەزرىتى ئۆمەر:
ــ قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئۆزەڭ رازى بولغىدەك ئۇرىۋالغىچە بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كىرمەيمىز. ئەي ئەمر! ماڭا قۇلاق سال! ئانىلىرىدىن ھۆر تۇغۇلغان شۇ ئىنسانلارنى سىلەر قاچاندىن ئېتىبارەن ئۆزەڭلارنىڭ قۇلى قىلىۋالدىڭلار؟!! ـ دېدى.
ئەمر ئىبنى ئەل ئاس نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ھولۇقۇپ تۇراتتى. ئۇ پەقەت ئۆزرە ئېيتتى ۋە:
ــ ماڭا ئىشەنگىن! مېنىڭ بۇ ئىشتىن پەقەتلا خەۋىرىم يوق ئىدى،- دەپ خەلىپىنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرۇشقا تىرىشتى. ھەزرىتى ئۆمەر مىسىرلىققا بۇرۇلۇپ: ــ بۇندىن كېيىن، يەنە بىرەر ئىش چىقسا، دەرھال مېنى خەۋەرلەندۈرگىن! ـ دەپ ئۇنى خاتىرجەم قىلدى.
ھەزرىتى ئۆمەر ھەردائىم خەلق ئارىسىدا ياشايدىغان، ئۇلارنىڭ دەرتلىرىگە قۇلاق سالىدىغان ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى تەڭ ھەل قىلىدىغان زات ئىدى. يولدىشى جىھادقا چىقىپ كەتكەن ئاياللارنى پات ـ پات يوقلاپ، بىرەر نەرسىگە ئېھتىياجى بار ـ يوقلۇقىنى سورايتتى، بەزىدە بۇ ئاياللارنىڭ بالىلىرىنى ياكى خىزمەتچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا بازارغا بېرىپ لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەتتى. ئالدىنقى سەپتىن پوچتالىيون كەلگەن ھامان خەت ـ چەكلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرەتتى.
ساۋادى بولمىغان ئائىلىلەرگە خەتنى ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن ساۋاتلىق كىشىلەرنى ئەۋەتەتتى ياكى (ئۇلار خالىسا) ئۆزى بېرىپ ئوقۇپ بېرەتتى. ئاندىن ئۇلارغا پوچتىكەشنىڭ قاچان يولغا چىقىدىغانلىقىنى، ئەگەر يولداشلىرىغا خەت ئەۋەتمەكچى بولسا، پوچتىكەشكە قايسى كۈنى تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر بىر توپ كىشى بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ قالسا، ئۆزى باشقىلاردىن كېيىن يولغا چىقاتتى ۋە ھايالدىغان يەردە قېلىپ قالغان نەرسىلەر بولسا، ئېلىۋېلىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرەتتى. يولدا ئۇلىغى يارىلانغان ياكى باشقا ھەرقانداق قىيىنچىلىقى كۆرۈلگەن سەپەردىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەم قىلىشقا تىرىشاتتى.
كېچىلىرى مەدىنىنى ئايلىنىپ، پۈتۈن شەھەرنى چارلاپ چىقىش ــ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ دائىملىق ئىشى ئىدى. مەدىنىگە چۈشكەن كارۋانلارنىڭ بېشىدا قاراۋۇللۇق قىلاتتى، موھتاج كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا، ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئەرز ـ شىكايەتلىرنى ئاڭلاپ، دەرتلىرىگە دەرمان بولۇشقا تىرىشاتتى. ئاياللاردىن بىرەرسىنىڭ بىر نەرسىگە ئېھتىياجى چۈشۈپ قالسا، دەرھال ئۆيىگە قايتىپ، ئايالىنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كېلەتتى.
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خىزمەتچىسى ئەسلەم مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خىزمەتچىسى ئەسلەم مۇنداق دەيدۇ:”بىر كېچىسى ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن ھاررا دېگەن يەرگە كېتىۋاتاتتۇق. سەررار دېگەن يەرگە كەلگەندە، سەل نېرىدا كۆزىمىز بىر ئوتقا چۈشتى. ھەزرىتى ئۆمەر ماڭا: ــ ئەي ئەسلەم! ئاۋۇ يەردە ھايالدىغان بىر كارۋان بار ئوخشايدۇ. قاراڭغۇ ۋە سوغۇقتا يولىنى داۋاملاشتۇرالمىغانلىقى ئېنىق. تېزراق بېرىپ قاراپ باقايلى، بىرەر ئېھتىياجى بارمىكىن ھەقىچان؟ ـ دېدى. بىز تېز ـ تېز مېڭىپ ئوت يېقىلغان يەرگە يېقىنلىشىپ كەلدۇق. قارىساق، بىر ئايالنىڭ ئەتراپىدا بىرمۇنچە ئۇششاق بالا يىغلىشىپ ئولتۇراتتى. ئوتنىڭ ئۈستىدە بىر قازان قايناۋاتاتتى. ھەزرىتى ئۆمەر يىراقتىن سالام بېرىپ:
ــ يېنىڭلارغا بارسام بولامدۇ؟ ـ دەپ ئىجازەت سورىدى. ئۇ ئايال:
ــ بىر پايداڭ تەگسە كەل، بولمىسا، بىزنى ئاۋارە قىلما! ـ دېدى. ھەزرىتى ئۆمەر مېنى جايىمدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى ۋە:
ــ سىلەرگە نېمە بولدى؟ ـ دەپ بىرەر ئېھتىياجى بار ـ يوقلۇقىنى سورىدى. ئايال: ــ كۆرۈپ تۇرۇپسەن، قاراڭغۇ ۋە سوغۇقتا مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق، ـ دەپلا قويدى. ھەزرىتى ئۆمەر:
ــ بۇ بالىلار نېمىگە يىغلاۋاتىدۇ؟- دەپ سورىدى. ئايال:
ــ نېمىشقا بولاتتى؟ ئاچلىقتىن شۇ… ئۆمەر:
ــ قازاندا نېمە بار؟ ـ دېدى. ئايال:
ــ سۇدىن باشقا نەرسە يوق. بالىلار ئۇخلاپ قالغىچە مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى ئالداپ تۇرمىسام بولمايدۇ. اﷲ بىزنىڭ ھەققىمىزنى ئۆمەردىن سورىسۇن! ـ دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر:
ــ اﷲ كۆڭلۈڭلارغا يارىشا بەرسۇن! ئۆمەر سىلەرنىڭ بۇ ھالدا ئىكەنلىكىڭلارنى نەدىن بىلسۇن؟ ـ دەپ سورىدى. ئايال:
ــ بېشىمىزغا خەلىپە بولۇشنى بىلىدۇ. ئەمما دەرتلىرىمىزگە كەلگەندە بىزدىن خەۋىرى يوق، ـ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئۆمەر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، يېنىمغا كەلدى. ئىككىمىز ناھايىتى ئالدىراش قايتىپ، خەزىنە ئامبىرىغا باردۇق. ھەزرىتى ئۆمەر بىر خالتا ئۇن بىلەن بىر كۇپ ياغنى ئايرىپ ئېلىپ:
ــ ئۆشنەمگە ئارتىپ قويغىن! ـ دېدى. مەن:
ــ ئى خەلىپە! مەن كۆتۈرەي،- دەپ ئېتىراز بىلدۈردۈم. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر:
ــ ئاناڭ ئۆلسۇن! قىيامەت كۈنى مېنىڭ گۇناھلىرىمنى سەن كۆتۈرەمسەن؟- دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇن بىلەن ياغنى ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتتىم. تېز ـ تېز مېڭىپ، ئايالنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدۇق.
ھەزرىتى ئۆمەر خالتىدىن ئازراق ئۇننى ئېلىپ ئۇ ئايالغا:
بۆلۈم: “ھەزرىتى ئۆمەر خالتىدىن ئازراق ئۇننى ئېلىپ ئۇ ئايالغا:”ــ سەن ئۇننى قولۇمغا تۆك، مەن ئارىلاشتۇراي،- دەپ بىر تەرەپتىن بۇلماقنى ئارىلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتنى پۈۋلەيتتى. ئوتنىڭ تۈتۈنى ئۇنىڭ ساقاللىرىنىڭ ئارىسىغىچە سىڭىپ كېتىۋاتاتتى. نىھايەت، بۇلماق پىشتى. ھەزرىتى ئۆمەر قازاننى يەرگە قويۇپ:
ــ قاچا بولسا بەرگىن! ـ دېدى. قازاندىكى بۇلماقنى قاچىغا قۇيۇپ:
ــ بۇنى بالىلارغا يېگۈزگىن، مەن قالغىنىنى سوۋۇتقاچ تۇراي، خاتىرجەم يېۋالسۇن! ـ دېدى.
ھەزرىتى ئۆمەر بالىلارنىڭ تائام يېيىشىگە قاراپ تۇردى. ئۇلار يەپ تويغاندىن كېيىن، بىز قايتماقچى بولۇپ ئورنىمىزدىن قوزغالدۇق. ئۇ ئايال بۇ ئىشقا شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتكەنىدى، ئۇ:
ــ اﷲ سەندىن رازى بولسۇن! سەن بىزگە خەلىپىدىنمۇ كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭ، ـ دەپ دۇئا قىلدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇ ئايالغا:
ــ شۇنداقتىمۇ، خەلىپىگە ياخشىلىق تىلىگىن! ئەگەر خەلىپىنىڭ ئالدىغا بىرەر ئىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىپ بارساڭ، مېنى شۇ يەردىن تاپالايسەن، ـ دەپ (ئۈستى يېپىق سۆز بىلەن) ئۆزىنىڭ يەنە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن بىر چەتكە بېرىپ، ئۇلارغا قاراپ تۇردى. مەن:
ــ قىلغۇدەك باشقا ئىش بارمۇ؟ ـ دەپ سورىدىم، ئەمما ئۇ لام ـ جىم دېمەي ئۇلارغا قاراپ تۇرىۋەردى. ھەزرىتى ئۆمەر بالىلار بىر ـ بىرلەپ ئۇخلاپ كەتكەندە ئاندىن خاتىرجەم بولغاندەك، ئورنىدىن تۇرۇپ اﷲ قا ھەمدۇ سانا ئوقۇغاچ يېنىمغا كېلىپ:
ــ ئەي ئەسلەم! بۇ بالىلار ئاچلىقنىڭ دەردىگە چىدىماي يىغلاۋاتاتتى، ھەم ئۇيقۇلىرىمۇ قاچقانىدى. شۇڭا ئۇلار شېرىن ئۇيقۇغا كەتكىچە، ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئايرىلىشقا كۆڭلۇم ئۇنىمىدى،- دەپ ئۆزىنىڭمۇ خاتىرجەم بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر خەلقنىڭ ھال - ئەھۋلىنى ئىگەللەش، ۋاقتىنى ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزۈش، تەڭ خۇشال بولۇپ، ئازابلىرىغا ئورتاق بولۇش، ئەگەر بىرەر داۋا ئىشى بولسا، دەرھال ئۇنى ھەل قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئادالەتنىڭ بۇرمىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەردائىم بازار ـ رەستىلەرنى ئايلىنىپ، خەلق بىلەن ئىچقويۇن ـ تاشقويۇن بولۇپ كېتەتتى. ۋاقىت تاپسىلا قۇرئان ئوقۇيتتى. نامازدىن كېيىن خەلقنىڭ ئەرز ـ شىكايەتلىرىنى ئاڭلايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ھېچقاچان قاراۋۇل تۇرمايتتى.
ئۇندىن باشقا، ئۇ ئىسلام قوشۇنىنىڭ غايىۋى قوماندانى ۋە قوراللىق قوشۇننىڭ باش قوماندانى ئىدى. قوراللىق قوشۇننىڭ بېشىغا ئايرىم قوماندان تەيىنلەيتتى، ئۆزىنىڭ ئوي ـ پىكرىگە ئاساسەن پىداكار كىشىلەرنى قوماندانلىققا تاللايتتى. مەسىلەن، ھەزرىتى ئۆمەر بىر قېتىم خەلقنى جىھادقا چاقىرغاندا، ئەبۇ ئۇبەيدە ئەس سەقافى تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قوشۇن قوماندانلىقىغا تاللىغانىدى.
بەزىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قومانداننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ، ئۇنى قوشۇندىكى ئەڭ ئاددى نۆكەرلەر قاتارىغا چۈشۈرۈپ قوياتتى ۋە ئەينى ۋاقىتتا، ئەڭ ئاددى، ئەمما جاسارەتلىك ۋە باتۇر بىر نۆكەرنى قوشۇنغا قوماندان قىلىپ تەيىنلەيتتى. بۇ ئارقىلىق، قومانداننىڭ ئۆز ئەمەل ـ مەنسىپىنى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا، ئۇنىڭدىن يامان نىيەتتە پايدىلىنىشىغا ۋە قول ئاستىدىكىلەرنى ئۆزىنىڭ ئارزۇ ـ ھەۋەسلىرىگە ۋاسىتە قىلىۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلاتتى. مەسىلەن، بىر كۈنلەردە، كەينى ـ كەينىدىن قۇچۇلغان زەپەرلەرنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ باش قوماندانلىقى ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆز ـ چۆچەك تارقىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئۆمەر دەرھال خالىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.
ئۇ، بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىنسانغا زەپەرنى مۇيەسسەر قىلغۇچىنىڭ پەقەت اﷲ ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىگە قادىر اﷲ تىن باشقىسىغا ئۈمىد باغلىماسلىقىنى كۆزدە تۇتقانىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ زەپەر اﷲ تەرەپتىن كېلىدۇ، اﷲ نىڭ ئىرادىسى ۋە ياردىمى بولماي تۇرۇپ زەپەر قۇچۇش مۇمكىن ئەمەس. ھالبۇكى، قوشۇن ۋە خەلق ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر بۇ زەپەرلەرنى خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ قوماندانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلاپ، تۇيۇق ھېسلارغا بېرىلىپ كەتكەنىدى.
خەلىپە ئۆمەر ئالدىنقى سەپتىكى قوماندانلار بىلەن داۋاملىق ئالاقە باغلاپ، ئۇلارغا تەلىمات ۋە ئەمر ـ پەرمانلىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرغاچقا، خۇددى ئۆزى شۇ يەردە تۇرۇۋاتقاندەك ھەممە ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ تۇراتتى. ئۇ ھەردائىم قوماندانلارنى اﷲ نىڭ شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە قەتئىي بويسۇنۇشى ۋە اﷲ قا چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلىشى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى. جەڭدە باتۇرلارچە ئېلىشىشى ۋە قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئۇلارنى جاسارەتلەندۈرۈپ، روھلىرىنى ئۇرغۇتۇپ تۇراتتى ۋە ھەر بىر توقۇنۇشتىن كېيىن ئۆزىگە تەپسىلىي مەلۇمات يوللىشىنى تەلەپ قىلاتتى. خەۋەرلەر سەل كېچىكىپ قالغۇدەك بولسا، ئۆزى مەدىنىنىڭ سىرتىغا چىقىپ، كېلىپ ـ كېتىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن ئىشەنچلىك ۋە مۇۋاپىق دەپ قارالغان كىشىلەر ئارقىلىق مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشاتتى ۋە ئالاقە ئىشلىرىنى كۈچەيتەتتى. ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلگەن ھامان شەخسەن ئۆزى بىر بۆلەك ئەسكەرگە قوماندان بولۇپ ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىناتتى. بۇنداق چاغلاردا (باشقا مۇھىم مەسىلىلەرگە ئوخشاش) ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشەتتى، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئالاتتى، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى مۇۋاپىق كۆرسە، ئۆز پىكرىدىن يېنىپ، ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە ھەرىكەت قىلاتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزى مەدىنىدە بولسىمۇ، ئالدىنقى سەپنىڭ ھەممىسىنى باشقۇرۇپ تۇرغانلىقى ھەقىقەتتۇر. ئۇ شاتۇرلار ئارقىلىق ئالدىنقى سەپكە توختىماي تەلىمات بېرەتتى، قوماندانلارغا ۋەزىپىگە قوياتتى، تۇرشاۋۇل، ئوڭ ـ سول قانات ۋە ئارقا سەپ قوشۇنلارنىڭ قوماندانلىرىنى بەلگىلەيتتى، فەتىھ قىلىنغان يەرلەرگە ۋالى، فەتىھ قىلىنماقچى بولغان يەرلەرگە قوماندان تەيىنلەيتتى. ھەزرىتى ئۆمەر دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت خەزىنىسىدىن تۆلەم تۆلەيتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «بىر مۇسۇلماننى كاپىرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش مەن ئۈچۈن پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىنمۇ مۇھىمدۇر.»
ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى غەيرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئادىل ۋە غايىۋى رەھبەر ئىدى. ئۇ گەرچە غەيرى مۇسۇلمانلارغا مۇسۇلمانلاردىن پەرقلىق كېيىنىش ۋە مۇسۇلمانلارنى ھۆرمەتلەش ھەققىدە بەزى شەكلىي قانۇنلارنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتتە ھەممەيلەنگە تەڭ ـ باراۋەر مۇئامىلە قىلاتتى.
بىر غەيرى مۇسۇلمان ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، ئۇنى دەرھال جىزيەدىن ئازاد قىلاتتى، ھەتتا ئۇنىڭ قەرزلىرى پۈتۈن مال ـ بارلىقىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، ئۇنىڭدىن نە ئۆشرە، نە جىزيە ئېلىنمايتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر ۋالىلارغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىشىنى توسۇپ، ئۇلارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇماسلىقىنى تاپىلىغانىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر بىر كۈنى قېرى ۋە ئەما بىر تىلەمچى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. بېرىپ دۈمبىسىنى سىلاپ تۇرۇپ:
ــ سەن ئەھلى كىتابلاردىن قايسى جامائەتكە تەۋە؟
- دەپ سورىدى. تىلەمچى:
ــ مەن يەھۇدىي،- دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر:
ــ نېمە سەۋەب بىلەن تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدۇڭ؟- دەپ سورىدى. تىلەمچى:
ــ دۆلەتنىڭ مەندىن ئالىدىغان جىزيەسىنى تۆلەش ۋە شەخسىي ئېھتىياجىمنى قامداش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىپ قالدىم، باشقا ئىش قىلالمايمەن،- دەپ جاۋاب بەردى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئىچى ئېچىشتى ۋە ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ئاۋۋال ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ پارچە ـ پۇرات بىر نەرسىلەردىن ئازراق بەردى. ئاندىن ئۇدۇل خەزىنە مەسئۇلىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ تەلىمات بەردى: «بۇنىڭغا ۋە مۇشۇنداق كىشىلەرگە ياردەم قىلغىن! قەسەم قىلىمەنكى، بۇ كىشىگە ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلماپتۇق، قېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنى يەنە مۇشۇ ھالدا تاشلاپ قويۇپتۇق.»
ساھابىلەر ـــ بۇ دەۋردە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ساھابىلەر ئىگەللەيتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ مۆتىۋەرلىرى مەدىنىدە ياشايتتى. خەلىپە ئۇلارنىڭ ھەر قانداق بىر مەقسەت (قوراللىق ئۇرۇش بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ) مەدىنىنىڭ سىرتىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ئىسلام، ھەق، ئادالەت يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ كۈرەشلىرىنى ئۇلار ئۈچۈن يېتەرلىك دەپ قارايتتى. شۇنداقلا، ئۇلارنى باشقىلارمۇ قىلالايدىغان ئاددىي ئىشلار ياكى باشقا خىزمەتلەر ئۈچۈن مەشغۇل قىلىپ، ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىشنى خالىمايتتى. جىددىي مەسىلىلەرنى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ، مەسلىھەتلىشەتتى، ئۆزى ۋە مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشاتتى. شۇڭا ئۇ ھەردائىم ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف قاتارلىقلاردىن سوئال سورايتتى، پىكىرلىرىنى ئالاتتى. شۇنداقلا، پۈتۈن خەلقنىڭ بۇ پەزىلەتلىك شەخسلەرنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
ساھابىلەرمۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشەتتى، يول كۆرسىتەتتى، مەسىلىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھەل قىلىشاتتى. ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مەنپەئەتى يولىدا چەككەن جاپا ـ مۇشەققىتىنى ۋە ھېرىپ - چارچىغىنىنى كۆرۈپ: «اﷲ ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن! سەندىن كېيىن بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغانلارغىمۇ اﷲ ياردەم قىلسۇن! سەن شۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىسەن، ئەمما سەندىن كېيىنكىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس» دەپ ھەم ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى تەقدىرلەيتتى ۋە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشەتتى ھەم ئۇنىڭ جاپا تارتىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىچى ئېچىشاتتى.
تەۋھىد، گۈزەل ئەخلاق، دۇرۇستلۇق، ئادالەت قاتارلىقلارنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلۈشى ۋە ئۆگىتىلىشى يولىدا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر جان، بىر تەن بولۇپ كەتكەن، ھەق ۋە ھەقىقەت يولىدا جان ۋە ماللىرىنى ئاتىۋەتكەن بۇ مۆتىۋەر ساھابىلەر ھەمىشە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا يار ـ يۆلەك بولاتتى. شۇڭا خەلق ئۇلارنىڭ ھۆرمەت ـ ئېتىبارىنى قىلاتتى، ئۇلارمۇ ھەزرىتى ئۆمەرگە ئوخشاش خەلققە مېھرىبانلىق قىلاتتى، شەپقەت كۆرسىتەتتى. ئۇلارنى تەربىيىلەتتى، ئىلىم ـ ئىرپان تارقىتاتتى، ئۇلارغا ئىسلامنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ئۆگىتىش ۋە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن جان پىدالىق كۆرسىتەتتى.
ساھابىلەرگە بېرىلىدىغان ھۆرمەت - ئېتىبار دەرىجىسى ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كىرىش ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى ـ كېيىنلىكىگە قاراپ ئايرىلاتتى.
شۇڭا خەلق سۇھەيب ۋە سەلمان فارىسىنى (جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن مۇسۇلمان بولغان) ئەبۇ سۇفيان، سۇھەيل ئىبنى ئامىر ۋە ئەل ھارىس ئىبنى ھىشام قاتارلىق (مەككىلىك قىلىچ مۇسۇلمانى) لارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈستۈن كۆرەتتى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر كۈنى سۇھەيل ئىبنى ئامىر بىلەن ھارىس ئىبنى ھىشام مەلۇم بىر مەسىلە ھەققىدە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئىشىك ئالدىدا سۇھەيب بىلەن سەلمان فارىسىمۇ تۇراتتى. ھەزرىتى ئۆمەر ئاۋۋال ئۇلارنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت بەردى. بۇ ئىش ھارىس ئىبنى ھىشامنىڭ كۆڭلىگە كەلدى. ئۇ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ دوستى سۇھەيلگە:
ــ بۇ ئادەم بىزگە نېمە ئۈچۈن مۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟- دەپ تاپا ـ تەنە قىلدى. سۇھەيل:
ــ بىز ئۆز ـ ئۆزىمىزگە قىلدۇق. بۇ ئادەملەر ئىسلامغا دەۋەت قىلىندى، بىزمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما بۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، بىز كەينىمىزگە داجىدۇق. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتتى،- دېدى.
ئەتىسى، ئەبۇ سۇفيان ۋە ھارىس ئىبنى ھىشام ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كىرىپ:
ــ باشتىن بېرى ئۆز ـ ئۆزىمىزگە ئوساللىق قىلغانلىقىمىزنى بىلىمىز. ئىسلامنى ئەڭ ئاخىرىدا قوبۇل قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ھازىرقى مەۋقەمىزمۇ ئېنىق بېكىتىلىپ بولدى. مانا ئەمدى پۇشايمان قىلىۋاتىمىز. ئەجىبا، ئۆز ۋاقتىدا مۇسۇلمان بولۇپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلارغا يېتىشىۋېلىشىمىز ئۈچۈن قانداق قىلساق بولار؟ ـ دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارغا ئالدىنقى سەپكە بېرىشقا ئۈندىدى. ئۇلار ئالدىنقى سەپكە كېتىپ، تەكرار قايتىپ كەلمىدى. چۈنكى ئۇلار شېھىت بولغانىدى.
مەسئۇلىيەت ۋە ئادالەت جەھەتتىن بۇ دەۋر جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئەزاسى تەڭ ـ باراۋەر بولۇپ، بۇرۇن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇق جەھەتتە كېيىن مۇسۇلمان بولغانلاردىن ھېچقانداق ئۈستۈنلۈكى يوق ئىدى. ئەسلىدە بارلىق ساھابىلەر بىر ـ بىرىگە قان ـ قېرىنداشتەك يېقىن بولۇپ، بىر ـ بىرىنى ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىدىنمۇ بەكرەك ئەزىزلەيتتى.
مۇسۇلمانلار ــ پۈتۈن جەمئىيەت بىر پۈتۈن ئۇيۇلتاشتەك بولۇپ، ئۇرۇش زامانلىرىدا ئۆيدە قالغانلار ئۆزلىرىنىڭ جىھادقا چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئۇلار خەلىپىنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۆزى يالغۇز كۆتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتى. بىر ـ بىرىگە كۈچلۈك ئىمان بېغى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقى، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بارلىق ئائىلە بىر ـ بىرىگە تايانچ كۈچ بولۇش روھى ئىچىدە ياشايتتى. ئۇلار ئەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپتە ۋە دۆلەت چېگرالىرىدا اﷲ نىڭ سۆزىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىغا، مۈرىنى ـ مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنەتتى. بالىلار، ئانىلار، ياشانغانلار، ئاياللار بولسا، ئالدىنقى سەپتىن كېلىدىغان خەۋەرلەرنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەتتى. بۇ مۇددەت ئىچىدە خەلىپە ۋە رەھبەرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قوغدىلاتتى، ئۇلارنىڭ ياردەم، خىزمەت ۋە شاپائىتىگە نائىل بولاتتى. ئۇلارمۇ بۇ ئىشلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆز ئارىلىرىدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەملىشىش ۋە مېھرى ـ شەپقەت يەتكۈزۈشكە تىرىشاتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يۈرەكلىرىدىكى كۈچلۈك ئىمانى تۈرتكە بولاتتى.
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقىي مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان بىر جەمئىيەتنى مۇنداق دەپ تەرىپلەيتتى: «مۇئمىنلەر بىرمۇنچىلىغان ئىچكى ئورگاندىن تەركىپ تاپقان بىر بەدەنگە ئوخشاش بىر ـ بىرىگە يار ـ يۆلەك بولىدۇ، ئىچ ئاغرىتىدۇ ۋە ئىللىق مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ ئورگانلاردىن بىرى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئاغرىسا، باشقا ئورگانلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئاغرىغاندەك، مۇئمىنلەرمۇ بىر ـ بىرى ئۈچۈن شۇنداق ھېسسىياتتا بولىدۇ.»
جەمئىيەتتە ئومۇمىي خەلققە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە، بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ ئىشتىن قاتتىق تەسىرلىنەتتى ۋە ئۇنىڭغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلەتتى. مەسىلەن، زەپەر خەۋەرلىرى پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆيۈندۈرۈپ، ھەممەيلەننى تەڭ خۇشال قىلاتتى. ھىجرىنىڭ 18 ـ يىلى يۈز بەرگەن قەھەتچىلىكنىڭ دەردىنى بارلىق مۇسۇلمانلار تەڭ تارتىشقا تىرىشتى. بىرى يېسە، يەنە بىرى نېرىدا ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قاراپ قالمىدى. كىمدە نېمە بولسا، ھەممىسى تەڭ بۆلۈشتى. ئاندىن يىراق مەملىكەتلەردىن كەلتۈرۈلگەن ئاشلىق ئاۋۋال قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن يۇرتلارغا، ئاندىن مۇسۇلمانلىق ھاياتىنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقىلىقى ئۇياقتا تۇرسۇن، مۇسۇلمان ـ غەيرى مۇسۇلماننىمۇ ئايرىمىغان ئاساستا، كىم ئەڭ ئېھتىياجلىق بولسا، شۇنىڭدىن باشلاپ تارقىتىپ بېرىلدى.
زىممىلەر (غەيرى مۇسۇلمانلار) ــ بۇلارنىڭ بىر قىسمى يەھۇدىي ۋە ناسارالار (خرىستىئانلار) دىن تەركىپ تاپقان ئەھلى كىتابلار، يەنە بىر قىسمى مەجۇسىيلار (ئاتەش پەرەسلەر) بولۇپ، بۇلار فەتىھ داۋامىدا تەسلىم بولۇپ، مۇسۇلمانلار بىلەن سۈلھىلەشكەن ۋە تۈزۈلگەن سۈلھىنىڭ شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلمايدىغان، دۈشمەنلەرنى ساقلىمايدىغان (ئۇلارنىڭ نامىدا سىياسىي ۋە ئىدىيىۋى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارمايدىغان)، ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەن ئالاقىلەشمەيدىغان، ئىسلام ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پۇقرالار ئىدى. ئۇلار بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلغان ۋە سەمىمىي پوزىتسىيىدە بولغان مۇددەت ئىچىدە، كۈنلىرى خۇشال ـ خۇرام ئۆتەتتى ۋە ئىسلامنىڭ ئادالەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنالايتتى، مال ـ مۈلۈك ۋە ئۆي ـ جايلىرىدىن خاتىرجەم، بالا ـ چاقىلىرى بىلەن ھۆر ياشايتتى. ھېچكىم ئۇلارغا دەخلى ـ تەرۇز قىلالمايتتى. ئەگەر بىرەر زۇلۇمغا ئۇچرىسا، دەرھال شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ھەقلىرى ئېلىپ بېرىلەتتى. كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زۇلۇم قىلغان كىشى چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلاتتى. پۈتۈن جەمئىيەت ئەزاسى ھەق ۋە ھوقۇقتا تەڭ ـ باراۋەر بولۇپ، ھېچكىم بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن باشقا ۋاقىتلاردا، غەيرى مۇسۇلمانلارمۇ مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ۋەزىپە ئۆتەيتتى ۋە بەزى ئىشلارغا مەسئۇل بولاتتى. ئۇلارنىڭ دۆلەتكە تۆلەيدىغان جىزيەنىڭ مىقدارى مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتكە تۆلەيدىغان زاكاتنىڭ مىقدارىدىن ئاز ئىدى. ئۇلار ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلمەيتتى، شەھەر ئىچىدە خاتىرجەم ياشاۋېرەتتى. ئۇلار ئۆز مەسىلىلىرىنى ئۆز ئېتىقادلىرىنىڭ قانۇنى بويىچە ھەل قىلسىمۇ ياكى (خالىسا) ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھەل قىلسىمۇ بولاتتى.
ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىپ ئۆتەيلىكى، ھەزرىتى ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بۇ يېرىم ئارالدا ئىككى دىن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ» دېگەن سۆزىگە بىنائەن، مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئەمما ئىسلام دۆلىتىنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى بۇ پۇقرالار يەنىلا ھۆر ۋە بەخت ـ سائادەت ئىچىدە ياشىدى.
ھەر نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئىسلام تارىخىنىڭ ئەڭ پارلاق دەۋرى ۋە ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوخشىشى كۆرۈلمىگەن بۇ ئادالەتلىك مەزگىللەردە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ئوخشاش خۇشال ـ خۇرام، ئەخلاقىي پەزىلەتكە تولغان شەرەپلىك كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەنىدى. بارلىق جەمئىيەت ئەزاسى بىر ـ بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغانىدى، چۈنكى ئۇ جەمئىيەتتە تەڭ ـ باراۋەرلىك، ھۆرلۈك، مېھرى ـ شەپقەت ۋە مەرھەمەت ھۆكۈم سۈرەتتى.
