تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

3-قىسىم: ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ

ھەزرىتى ئوسمان (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئوسمان (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)”

ھەزرىتى ئوسماننىڭ ھاياتى

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئوسماننىڭ ھاياتى”

ھەزرىتى ئوسمان دادا تەرىپىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن يىراق تۇغقان كېلىدۇ ۋە نەسەبتە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ سانىغاندا تۆتىنچى نەسىلدە (يەنى تۆتىنچى ئەجدادى ئابدۇمەنناپتا) ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىدۇ. ئۇ ئابدۇمەنناپ ئىبنى ئابدۇششەمس ئىبنى ئۇمەييە ئىبنى ئەبۇل ئاس ئىبنى ئەفۋاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى تەرەپتىنمۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇغقان كېلىدۇ. چۈنكى ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئانىسى ئەرۋە ــ قۇرەيزنىڭ قىزى بولۇپ، ئەرۋەنىڭ ئانىسى ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ قىزى، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاممىسى بەيزا ئىدى.

ھەزرىتى ئوسمان ھىجرەتتىن 47 يىل بۇرۇن تائىپتە تۇغۇلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئالتە ياش كىچىك ئىدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ دادىسى ئەفۋان باي سودىگەر ئىدى. ئۇ تىجارەت ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپ، شامدا ۋاپات بولغانىدى. ئۇنىڭدىن ئوغلى ئوسمانغا ناھايىتى كۆپ بايلىق مىراس قالدى. ئوسمانمۇ تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈردى. تىجارىتى يۈرۈشۈپ، تاپقان پايدىسىنى ھەردائىم خەلققە تارقىتىپ، ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇناتتى. شۇڭا خەلق ئۇنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ھۆرمەتلەيتتى. ئۇ ئۆزى تەۋە بولغان بەنى ئۈمەييە قەبىلىسىنىڭ خوجايىنى بولغاندىن سىرت، قۇرەيشلەرنىڭمۇ كاتتا زاتلىرىدىن بىرى ئىدى.

مانا بۇلار، ئۇنىڭ جاھىلىيەت ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك (بىزگە قالدۇرۇلغان) مەلۇماتلار ئىدى. ئۇنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھاياتى باشقا ساھابىلەرنىڭ ئۇ دەۋرىدىكى ھاياتىدىن ئاساسەن پەرقلىنىپ كەتمەيتتى.

لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دەۋرىدىكى ھاياتىي كەچۈرمىشلىرى تەپسىلىي قەيت قىلىنغان بولۇپ، بىزگىچە تولۇق تەپسىلاتى بىلەن يەتكۈزۈلگەن. چۈنكى ئىسلام ئۇلارنى ھاياتقا يېڭىباشتىن تەييارلىغان، تەربىيىلىگەن ۋە يېتىشتۈرگەنىدى. شۇڭا تارىخ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتى پائالىيەتلىرىنى ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن ئەڭ پارلاق سەھىپىلەرگە يېزىپ قالدۇرغانىدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھيى كەلگەن ۋاقىتتا ھەزرىتى ئوسمان 34 ياش ئەتراپىدا ئىدى. ئۇ كۆپ ئۆتمەي ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولدى ۋە ساھابىلەرنىڭ ئالدىنقىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تارىختا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇ ئالدىنقى ئون مۇسۇلماننىڭ بىرى ئىدى. ئۇ چاغلارغا، مۇسۇلمانلار كېچىلىرى ئەل ئەركام ئىبنى ئەبۇل ئەركامنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، مەخپىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا يېڭى باشلىغانىدى.

تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇش جەريانى مۇنداق ئىدى:

ھەزرىتى ئوسمان تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ بىلەن شېرىك تىجارەت قىلىپ شامدىن قايتىپ كېلىۋاتاتتى. سەپەردە مۈگدەپ قالدى ۋە ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ اﷲ تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىنىپ، مەككىگە ئەۋەتىلگەنلىكى ھەققىدە بىر نىدا ئاڭلىدى.

ئىبنى ھاجەر ئۆزىنىڭ «ئەل ئىسابە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:

ھەزرىتى ئوسماننىڭ ھاممىسى سۇئدە بىنتى قۇرەيز جاھىلىيەت دەۋرىدە كاھىن بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ ئوسمانغا ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ھەزرىتى ئوسمان:

ــ ھاممامنىڭ سۆزلىرى مېنى ھەر دائىم قايمۇقتۇرۇپ قوياتتى، ـ دەيدۇ ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇبەكرى بىلەن پات ـ پات كۆرۈشۈپ پاراڭلىشاتتىم. بىر كۈنى ئۇنى يوقلاپ باردىم، ئۇ يالغۇز ئىدى. مېنى بىرئاز خىيالچان كۆرگەن بولسا كېرەك، نېمە بولغانلىقىنى سورىدى. ئەبۇبەكرى ھەقىقەتەن ئېغىر ـ بېسىق، توغرا سۆز ۋە ئالدىن كۆرەر بىرى ئىدى. مەن ھاممامنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم.

ئۇ:

ــ ئەي ئوسمان! سەن ئەقلى ـ ھوشۇڭ جايىدا، توغرا ـ خاتانى پەرق قىلالايدىغان ئادەمسەن. مىللىتىمىز چوقۇنىۋاتقان شۇ بۇتلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ ئۇلار گاس ـ گاچا تاش پارچىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەسقۇ؟- دېدى. مەنمۇ ئۇنى تەستىقلاپ:

ــ ئېيتقانلىرىڭ راست شۇنداق، ـ دېدىم. ئەبۇبەكرى:

ــ ھامماڭ ئەسلىدە توغرا گەپ قىپتۇ. شۇ اﷲ نىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنى بىلىسەنغۇ؟ اﷲ ئۇنى ئەلچى قىلىپ تەيىنلەپ ئۆز ھۆكمىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتتى. خالىساڭ، سېنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرەي،- دەپ تەكلىپ قىلدى. مەن:

ــ ياق! بولدى، ـ دەپ تۇراتتىم، دەل شۇ چاغدا ھەزرىتى مۇھەممەد بىلەن ھەزرىتى ئەلى يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئەبۇبەكرى دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نەرسىلەرنى دەپ پىچىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ:

ــ ئەي ئوسمان! كەل، اﷲ نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ جەننەتكە كىرگىن. شۇنىسى ھەقىقەتكى، مەن ساڭا، شۇنداقلا بارلىق ئىنسانلارغا ئەلچى ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن،- دېدى. مەن ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي، دەرھال ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدۇم.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى قۇرەيشلەرگە بەكمۇ قاتتىق تەسىر قىلدى. قۇرەيش ئىچىدە ساراسىمە مەيدانغا كەلدى ۋە داۋالغۇش پەيدا بولدى. چۈنكى ھەزرىتى ئوسمان قۇرەيشلەرنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر، مۆتىۋەر كىشىلىرىدىن بىرى ئىدى. ھەزرىتى ئوسماننىڭ تاغىسى ئەل ھاكەم ئىبنى ئەبۇل ئاس ئۇنى بۇ يولدىن قايتۇرماقچى بولۇپ، كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ھەزرىتى ئوسمانغا قاتتىق بېسىم قىلىپ، ئېغىر ئازاب ـ ئوقۇبەتكە دۇچار قىلدى. ئەمما بۇ ئەشەددىي زۇلۇم ۋە ئىنساپسىزلىق بىلەن قىلىنغان مۇئامىلىلەر ھېچقانداق ئىشقا يارىمىدى، ئوسماننىڭ ئىرادىسىنى ۋە ئىسلامغا بولغان ساداقىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى. تاغىسى ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز يولىغا داۋام قىلغانلىقىنى كۆرۈپ بوشىشىپ قالدى. ئەمما بۇ قېتىم ئانىسى ئەرۋە بىنتى قۇرەيز ئۇنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇندى. لېكىن، ئۇنىڭ پۈتۈن تىرىشچانلىقىمۇ نۆلگە تەڭ بولدى. ئۇ يەنىلا ئۆز يولىدىن قەتئىي قايتمىدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆزىگە خاس ئىككى ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. بىرىنچىسى، ئۇ بەكمۇ ئۇياتچان بولۇپ، ئىززەت ـ ئابرۇيىنى ساقلاش ئېڭى بەكمۇ كۈچلۈك ئىدى. شۇڭا، خەلق ئۇنىڭ ئالدىدا ھايا قىلاتتى، ئەيمىنەتتى ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتىنى بەكمۇ ئۇلۇغلايتتى ۋە: «مالائىكىلەرمۇ ھايا قىلىپ، ئەيمىنىدىغان بىر كىشىدىن مەن قانداق ئەيمەنمەي تۇرالايمەن؟!» دەيتتى.

تارىخچى ئىبنى ئەساقىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەزرىتى ئوسمان ھەققىدە: «ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ كىشىگە ناھايىتى دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك!» دېگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئۇنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، قولى ئوچۇق، سېخىيلىقى ئىدى. قۇرەيشلەرنىڭ ئارىسىدا سېخىيلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان بىرى يوق ئىدى. ھەزرىتى ئوسمان مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى رۇقىيەگە ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدى. رۇقىيە ئۇنىڭدىن ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالا تۇغدى، ئەمما ئۇ ئالتە يېشىدا ۋاپات بولدى.

قۇرەيشلەر مۇسۇلمانلارغا قاتتىق ئەزىيەت يەتكۈزگەن چاغلاردا، ھەزرىتى ئوسمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجازىتى بىلەن (ئايالى رۇقىيەنى ئېلىپ) ھەبەشستانغا ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلار سېپىغا قېتىلدى. ھەبەشستاندا قىسقا ۋاقىت تۇرۇپلا مەككىگە قايتىپ كەلدى. لېكىن، كۆپ ئۆتمەي يەنە بىر مۇسۇلمانلار كارۋىنىغا قېتىلىپ، ھەبەشستانغا ئىككىنچى قېتىم ھىجرەت قىلدى.

ئەقەبە يىغىلىشىدىن كېيىن، زۇلۇم ئاستىدىكى مەككىلىك مۇسۇلمانلار ئاستا ـ ئاستا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئوسمان ئايالى رۇقىيەنى ئېلىپ، ھەبەشستاندىن مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. بۇ جەرياندا بەدرى غازىتى بولۇپ ئۆتتى، ئەمما ھەزرىتى ئوسمان بۇ غازاتقا قاتنىشالمىدى. چۈنكى، ئايالى رۇقىيە ئېغىر كېسەل ئىدى ۋە ئۇنىڭغا قاراش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجازىتى بىلەن مەدىنىدە قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئۇرۇشقا قېتىلغانلار قاتارىدا غەنىمەتتىن بىر ئۈلۈش بەردى. كۆپ ئۆتمەي رۇقىيە ۋاپات بولدى (بۇ چاغدا مۇسۇلمانلار تېخى ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلمىگەنىدى). بۇ ئىش ھەزرىتى ئوسماننى بەكمۇ قايغۇلاندۇردى.

ھەزرىتى ئوسمان جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەبۇ ئامىر تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغانىدى. رۇقىيە ئابدۇللاھنى تۇغقاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنى ئەبۇ ئابدۇللاھ دەپ چاقىرىشقا باشلىدى. رۇقىيە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئوسمان ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇممۇ گۈلسۈمگە ئۆيلەندى. ئەمما ئۇنىڭدىن بالىسى بولمىدى ۋە ئۇمۇ ھەدىسىگە ئوخشاش (ھەزرىتى ئوسمان ھايات چاغدا) ۋاپات بولدى.

تۆۋەندىكىلەر ھەزرىتى ئوسمان كېيىنچە ئۆيلەنگەن ئاياللاردۇر:

فاتىھە بىنتى غەزۋان: بۇ ئايالدىن ئابدۇللاھ ئەل ئەسقەر(توغرىسى ئەسغەر ـ ت) تۇغۇلدى. بۇ بالا كىچىك چېغىدىلا چاچراپ كەتتى. ئۇممۇ ئامىر بىنتى جۇندۇب: بۇ ئايالدىن ئامىر، خالىد، ئەببان ۋە ئۆمەر قاتارلىقلار تۇغۇلدى. فاتىمە بىنتى ۋەلىد ئەل مەھزۇمىييە: بۇ ئايالدىن سەئد، ۋەلىد ۋە ئۇممۇ سەئد قاتارلىقلار تۇغۇلدى. ئۇممۇ بەنىن بىنتى ئۇيەينە ئىبنى ھىسن: بۇ ئايالدىن ئابۇلمەلىك تۇغۇلدى، ئەمما چاچراپ كەتتى. راملە بىنتى شەيبە ئىبنى رابىئە: بۇ ئايالدىن ئائىشە، ئۇممۇ ئەببان ۋە ئۇممۇ ئامىر ئىسىملىك ئۈچ قىز تۇغۇلدى. بۇ ئايالدىن ئوغلى يوق ئىدى.

نائىلە بنتى ئەل فەراسىفە: بۇ ئايالدىن مەريەم تۇغۇلدى.

دېمەككى، ھەزرىتى ئوسمان ئىلگىرى ـ ئاخىر بولۇپ جەمئىي سەككىز ئايالغا ئۆيلەنگەنىدى. ئۇ شېھىت قىلىنغان ۋاقىتتا، نىكاھىدا ئۇممۇ بەنىن، فاتىھە ۋە نائىلە قاتارلىق ئۈچى بار ئىدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ جەمئىي توققۇز ئوغلى بولغانىدى. ئۇلاردىن ئابدۇللاھ، ئابدۇللاھ ئەل ئەسقەر ۋە ئابدۇلمەلىك قاتارلىق ئۈچى كىچىك چېغىدىلا چاچراپ كەتتى. قالغان ئامىر، خالىد، ئەببان، ئۆمەر، ۋەلىد ۋە سەئد قاتارلىق ئالتىسى ياشىدى. ئۇندىن باشقا مەريەم، ئۇممۇ سەئد، ئائىشە، ئۇممۇ ئەببان، ئۇممۇ ئامىر ۋە كىچىك مەريەم قاتارلىق ئالتە قىزى بار ئىدى.

ھەزرىتى ئوسمان چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بولۇپ، بۇ ۋەقەلەرگە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشتىراك قىلغانىدى.

ھىجرەتنىڭ ئالتىنچى يىلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىنى زىيارەت قىلغاچ ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ساندىكى ساھابە بىلەن بىللە مەدىنىدىن مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئەمما مەككىگە يېتىپ كەلمەي تۇرۇپ، قۇرەيشلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىنى توستى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ئۇرۇش قىلغىلى كەلدى، شەھەرگە بېسىپ كىرمەكچى دەپ ئويلىغانىدى.

قۇرەيش چوڭلىرىدىن بەزىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەھەرگە كىرىشىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، قالغانلىرى جاھىللىق بىلەن قەتئىي رەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەردىن بىرىنى مەككىگە ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەقەت ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، قۇرەيشلەرنى قايىل قىلماقچى بولدى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنى چاقىرىپ ئۆز نىيىتىنى ئۇنىڭغا بىلدۈردى. ھەزرىتى ئۆمەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇلارنىڭ ماڭا بىر يامانلىق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئائىلەم بەنى ئادىيدىن مېنى مەككىدە قوغدىغۇدەك بىرەر كىشىمۇ يوق. قۇرەيشلەر مېنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق قارشى چىققانلىقىمنى ۋە ئۇلارغا قانداق قوپال مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا مەن سىلەرگە بۇ ئىشقا مەندىنمۇ مۇۋاپىقراق بىرىنى كۆرسىتىپ قوياي. ئۇ، ئوسمان ئىبنى ئەفۋاندۇر» دەپ ئۆزرە ئېيتتى.

شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئوسماننى مەككە لىدىرى ئەبۇسۇفيان ۋە باشقا مۆتىۋەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىش ئۈچۈن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ھەزرىتى ئوسمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتى بويىچە قۇرەيش چوڭلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى. ئەمما ئۇلار ھەزرىتى ئوسمانغا:

ــ سەن كەئبىنى تاۋاپ قىلساڭ مەيلى، ساڭا بىر نەرسە دېمەيمىز. ئەمما سەندىن باشقىسىغا ھەرگىز يول قويمايمىز، ـ دېيىشتى. ھەزرىتى ئوسمان:

ــ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، كەئبىنى ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاۋاپ قىلمايمەن،- دېدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، قۇرەيشلەر مۇسۇلمانلارنىڭ كەئبىنى تاۋاپ قىلىش تەلىپىگە قەتئىي قارشىلىق بىلدۈرۈپ تۇرۇۋالدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ قۇرەيش چوڭلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەچكە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەشكە ۋە قۇرەيشلەرنىڭ ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇشىدىن خەۋپسىرەشكە باشلىدى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى تېخىمۇ بەك تىت ـ تىت بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ ئۆچىنى ئالماي تۇرۇپ بۇ يەردىن كېتىشكە بولمايدۇ!» دېيەلمەي تۇرالمىدى ۋە ساھابىلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە بىر ۋەزىيەت قارشىسىدا تەمتىرەپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان قوراللىق توقۇنۇش ئۈچۈن ئۇلاردىن بەيئەت ئالدى. «رىدۋان (رىزۋان ـ ت) بەيئىتى» دەپ ئاتالغان بۇ مەشھۇر بەيئەت ھەزرىتى ئوسمان ئۈچۈن ئېلىنغانىدى. ھەزرىتى ئوسماننىڭ ھايات ـ مامات مەسىلىسى ئۈچۈن ئېلىنغان بۇ ۋەقەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بەيئىتىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىككى قولىنى بىر ـ بىرىگە تۇتۇشتۇردى (بۇ ئارقىلىق ھەزرىتى ئوسماننىڭ بەيئىتىنىمۇ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى). ۋەزىيەت بەكمۇ جىددىي تۈسكە كىرگەنىدى.

ئىمام بۇخارى «سەھىھۇلبۇخارى» دا ھەزرىتى ئوسمان ۋاپات بولۇپ خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بولۇپ ئۆتكەن بىر دىئالوگنى مۇنداق نەقىل قىلىدۇ:

مىسىر خەلقىدىن بىرى ھەجگە كەلگەنىدى. ئۇ چەتتە ئولتۇرغان بىر توپ كىشىنى كۆردى. كىشىلەردىن:

ــ بۇلار كىم؟ ـ دەپ سورىدى. كىشىلەر:

  • ئۇلار قۇرەيشلەر،- دەپ جاۋاب بەردى. مىسىرلىق:

ــ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان ئاۋۇ ياشانغان كىشى كىم بولىدۇ؟- دەپ سورىدى. ئۇنىڭغا:

ــ ئۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ،- دېدى. مىسىرلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ:

ــ ئەي ئىبنى ئۆمەر! سەندىن بىر نەرسىنى سورىماقچىمەن. ماڭا ئېنىق جاۋاب بەرگىن! سەن ئوھۇد كۈنى ھەزرىتى ئوسماننىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسەن؟- دەپ سورىدى. ئابدۇللاھ:

ــ ھەئە، بىلىمەن،- دېدى.

مىسىرلىق يەنە:

ــ بەدرى كۈنى ئۇرۇشقا چىقمىغانلىقىنى بىلەمسەن؟- دەپ سورىدى. ئابدۇللاھمۇ:

ــ ھەئە، بۇنىمۇ بىلىمەن، ـ دېدى. مىسىرلىق ئۈچىنچى قېتىم:

ــ ئۇنداقتا، رىدۋان بەيئىتىدە ئۇنىڭ يوق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەمسەن؟- دەپ سورىدى. ئابدۇللاھ:

ــ شۇنداق، ئۇنىمۇ بىلىمەن،- دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان مىسىرلىق ھەزرىتى ئوسماننى زاڭلىق قىلغاندەك ھېجىيىپ تۇرۇپ:

ــ ئەلھەمدۇلىللاھ! ـ دېدى. ئۇنىڭ غەرىزىنى ئۇققان ئابدۇللاھ ھەزرىتى ئوسمان ھەققىدىكى شۈبھىلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا:

ــ مەن ساڭا بۇ ئىشلارنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەي! ئۇھۇد كۈنىدىكى ئىشنى ئېلىپ ئېيتساق، مەن ساڭا شاھادەت ئېيتىپ بېرىمەنكى، اﷲ ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى كەچۈردى ۋە مەغپىرەت قىلدى.

بەدرى غازىتىغا قاتناشماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى رۇقىيە ئۇنىڭ نىكاھىدا ئىدى. ئۇرۇش كۈنلىرى رۇقىيە ئېغىر كېسەل تارتىپ يېتىپ قالدى. ھەزرىتى ئوسمان رۇقىيەگە قاراش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجازىتى بىلەن شەھەردە قېلىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سېنىڭ ساۋابىڭ غازاتقا قاتناشقانلار بىلەن ئوخشاش، ھەم غەنىمەتلەردە سېنىڭمۇ بىر ئۈلۈشۈڭ بار» دەپ ئۇنىڭغا رازىلىق بەرگەنىدى.

ئەمدى رىزۋان بەيئىتىگە كەلسەك، ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ ئەزىز (ھۆرمەتلىك) بىرى بولغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنى ئەۋەتكەن بولاتتى. ئەمما باشقا بىرى بولمىغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئوسماننى ئەۋەتتى. بۇ بەيئەت ئىشى ئوسمان مەككىگە كەتكەندىن كېيىن بولغان ئىش ئىدى. بەيئەتنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مانا بۇ ئوسماننىڭ قولىدۇر» دەپ سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويدى ۋە: «بۇ ئوسماننىڭ بەيئىتىدۇر» دېگەنىدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر بۇلارنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، مىسىرلىققا قاراپ:

ــ ئەمدى سەن بېرىپ بۇ ئىشلارنى خالىغان ئادىمىڭگە ئېيتىپ بەرگىن! ـ دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك غازىتىغا چىقماقچى بولدى، ئەمما خەلق يوقسۇل بولۇپ، كۈنلىرىنى قىينچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھاجىرلاردىن 30 كىشىنى تولۇق قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن خەلقنى ئىئانە توپلاشقا قايتا ـ قايتا چاقىرىق قىلدى. ھەزرىتى ئوسمان پۈتۈن قوشۇننى ئۆزى يالغۇز شۇنداق قوراللاندۇردىكى، قوشۇندا بىر يۈگەن ياكى ئېغىزدۇرۇق چاغلىق بىر نەرسىمۇ كەم قالمىدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوماندانلىقىدا تەبۇك غازىتىغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام قوشۇنىغا 950 تۆگە ۋە 50 ئات ئىئانە قىلغانلىقى، ئۇندىن باشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا مىڭ دىنار قويغانلىقى نەقىل قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بۇ تەڭداشسىز سېخىيلىقى ۋە پىداكارلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولغانىدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئوسماندىن رازى بولغان ھالدا ۋاپات بولغانىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى دەۋرىدە، ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىنىڭ باش كاتىبى دەپ قارىلاتتى. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە بولسا، خەلىپىدىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزىدىغان ئىككىنچى چوڭ ھۆكۈمدار ئىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى دەۋرىدە قەھەتچىلىك يۈز بەرگەنىدى. خەلق توپلىنىپ خەلىپىگە مۇراجىئەت قىلىپ:

ــ ئى رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى! يامغۇر ياغمىدى، تۇپراقتىن بىر نەرسە ئۈنۈپ چىقمىدى، خەلق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇۋاتىدۇ. سەن قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسەن؟- دېيىشتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى:

ــ بىرئاز سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار!

اﷲ تائالا چوقۇم سىلەرگە بىر يول كۆرسىتىدۇ،- دەپ بىر تەرەپتىن ئۇلارغا تەسەللىي بېرىشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن جىددىي چارە ئىزدەشكە چۈشكەنىدى. ئۇ كۈنى كەچكە يېقىن ھەزرىتى ئوسمانغا ئائىت بىر تىجارەت كارۋىنىنىڭ شام تەرەپتىن كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئەتىسى ئەتىگەندە مەدىنىگە يېتىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تاپشۇرۇۋالدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان خەلق خۇشاللىقىدىن كارۋان يولىغا چىقىپ، تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرۇشتى.

كارۋان مىڭ تۆگىلىك بولۇپ، ئۈستىدىكى يۈك بۇغداي، زەيتۇن يېغى ۋە قۇرۇق ئۈزۈم (كىشمىش ـ يېمىش) ئىدى. تۆگىلەر ھەزرىتى ئوسمانغا تەۋە بىر يەرگە چۆكتۈرۈلۈپ، يۈكلىرى چۈشۈرۈلۈپ بولغىچە، سودىگەرلەر ھەزرىتى ئوسماننىڭ بېشىغا ئولىشىپ بولغانىدى. ھەزرىتى ئوسمان ئۇلاردىن:

ــ ھە، نېمە دېمەكچىسىلەر؟- دەپ سورىدى. سودىگەرلەر:

ــ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى سەن ئوبدان بىلىسەن. مېلىڭنى تېزراق سېتىپ بەرسەڭ، بىز يولىمىزغا كېتىۋالغان بولساق. قارا! خەلق ئاچلىقتىن پەرىشان ھالغا چۈشۈپ قالدى، ھەممىسى بىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ، ـ دېيىشتى. ھەزرىتى ئوسمان ئۇلاردىن:

ــ ھە ماقۇل، ئۇنداق بولسا، قېنى ئېيتىڭلارچۇ، ماڭا قانچىلىك نەپ بېرىسىلەر؟- دەپ سورىدى.

ــ كۈرە بېشىغا ئىككى دەرھەمدىن بېرىمىز،- دېيىشتى. ھەزرىتى ئوسمان:

ــ ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بەرمەكچى بولغانلار بار،- دەپ ئېتىراز بىلدۈردى.

ــ ئۇنداق بولسا، تۆت دەرھەمدىن بېرەيلى،- دەپ باھا تالىشىشقا چۈشۈپ كېتىشتى. ھەزرىتى ئوسمان يەنە:

ــ ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بەرمەكچى،- دېدى. سودىگەرلەر:

ــ ھە بوپتۇ، بەش دەرھەمدىن بەرسەكقۇ يېتەر؟!- دېيىشتى. ھەزرىتى ئوسمان:

ــ ياق، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بەرمەكچى بولدى،- دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. بۇ گەپكە ھەيران بولغان سودىگەرلەر:

ــ ئەي ئەبۇ ئامىر! مەدىنىدە بىزدىن باشقا سودىگەر بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدىن بۇرۇن باشقىلار كەلمىگەن تۇرسا، ساڭا شۇنچىۋالا كۆپ نەپ بەرمەكچى بولغان كىمدۇ؟- دېيىشتى. ھەزرىتى ئوسمان:

ــ اﷲ تائالا ھەر دەرھەم ئۈچۈن ماڭا ئون ھەسسە ئارتۇق بېرىشنى ۋەدە قىلدى. سىلەرمۇ شۇنچىلىك نەپ بېرەلەمسىلەر؟- دېدى. ئۇلار:

ــ ياق، بىز ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايمىز،- دېيىشتى.

دۇنيادا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون كىشىنىڭ بىرى بولغان ھەزرىتى ئوسمان ئۆز كۆڭلىدە ئاجايىپ بىر قارار بەرگەنىدى. ئۇ بۇ قارارىنى ئېلان قىلىپ، مەككە سودىگەرلىرىگە مۇنداق دېدى:

ــ ماڭا قاراڭلار! اﷲ گۇۋاھچىمدۇر، مەن بۇ كارۋان يۈكىنىڭ ھەممىسىنى (پەقەت اﷲ رازىلىقى ئۈچۈن) پەرىشان ئەھۋالدىكى كىشىلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غېرىپ ـ غۇرۋالىرىغا سەدىقە ئورنىدا تارقىتىپ بېرىشكە نىيەت قىلدىم.

ھەزرىتى ئوسمان ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئەمرى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى قارارنامىنى يازغانىدى.

ھەزرىتى ئوسمان ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك ھۆكۈمدار ئىدى. خەلق ھەزرىتى ئۆمەردىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن ھەزرىتى ئوسمان بىلەن كۆرۈشەتتى. خەلقنىڭ نوپۇسقا ئېلىنىشى ۋە ھىجرىيە تارىخىنىڭ مۇھەررەم ئېيىدىن باشلىنىشى قاتارلىق پىكىرلەرنى تۇنجى بولۇپ ئۇ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قوپال مىجەزى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ مۇلايىملىقىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان مۇھىم ئامىل بولغىنىدەك، ھەزرىتى ئوسماننىڭ يۇۋاش مىجەزىمۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قوپاللىقى بىلەن بىرلىشىپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايتتى. شۇڭا بۇ ئىككى دەۋردىكى دۆلەت رەھبەرلىكىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىدى.

چۈنكى قوپال مۇئامىلىنىڭ يېنىدا ئۇنى تەڭشەپ تۇرىدىغان يۇۋاشلىق، غەزەپ ـ نەپرەتنىڭ يېنىدا ئۇنى بېسىپ تۇرىدىغان مۇلايىملىق ۋە مەرھەمەت بار ئىدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىكى

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىكى”

ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ جىنازا نامىزى سۇھەيب تەرىپىدىن چۈشۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، مىقداد ئىبنى ئامىر شۇرا (كېڭەش) ئەزالىرىنى دەرھال ئەل مۇنەۋۋەر ئىبنى مەھرەمەنىڭ ئۆيىگە چاقىردى. بۇلاردىن ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى، ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف، زۇبەير ئىبنى ئەل ئاۋام ۋە سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس قاتارلىق بەشى تەق بولدى، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ مەدىنىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مەسلىھەتچى ۋە مۇپەتتىش سۈپىتىدە قاتناشتى. ئەبۇ تەلھە ئەل ئەنسارى ئەللىك كىشىلىك ئامانلىق ئەترىتى بىلەن ئۇلار يىغىلغان ئۆينىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇپ، ئىشىكتىن ھېچكىمنىڭ كىرىشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلمىدى.

كېڭەش ئەزالىرى مانا بۇ يەردە مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى. ھەممىسى ئۈممەتنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى ھەققىدىكى ئارزۇ - ئىشتىياقلىرىنى، بۆلگۈنچىلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلەرنى بىرەر قۇر تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ئابدۇررەھمان ئىبى ئەۋف مۇنداق دېدى (بىرىنچى بولۇپ سۆز ئالغان ئۇ ئىدى):

ــ قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار! ئاراڭلاردا كىم ئۆزىنى خەلىپىلىككە نامزات قىلىپ كۆرسەتمەيدۇ ۋە ئۆز ئورنىنى ئارىمىزدىكى «ئەڭ پەزىلەتلىك كىشى» گە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ؟

بۇ سوئالغا باشتا ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇررەھمان:

ــ ھەممىدىن بۇرۇن مەن چېكىندىم،- دېدى. ئۇنىڭ ئارقىدىنلا ھەزرىتى ئوسمانمۇ:

ــ مەنمۇ چېكىنىشكە رازىمەن. چۈنكى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «… بۇ ۋەزىپىنى ئۆز زىممىسىگە ئالمىغان ئادەم يەردىمۇ، كۆكتىمۇ (اﷲ نىڭ ۋە بەندىلەرنىڭ نەزىرىدە دېمەكچى ـ ت) خاتىرجەم بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم،- دېدى. ھەزرىتى ئەلىدىن باشقا ھەممەيلەن نامزاتلىقتىن چېكىندى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇررەھمان ھەزرىتى ئەلىگە:

ــ ئەي ئەبۇ ھەسەن! سەن بىر نېمە دېمەمسەن؟ قارىغاندا بۇ ئىشقا ھەۋىسىڭ باردەك تۇرىدۇ. ئەگەر راست شۇنداق بولسا، ھەر ۋاقىت ھەق تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىڭغا، ئۆز مەيلىڭچە ئىش قىلمايدىغانلىقىڭغا، يېقىنلىرىڭغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىڭغا، ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتىگە كەلگەندە ئارقىغا چېكىنىۋالمايدىغانلىقىڭغا ۋەدە بېرەمسەن؟- دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەلى:

ــ سىلەرمۇ ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلاپ، ئىشنى بۇزماقچى بولغانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان جەڭدە مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ، مېنى قوللايدىغانلىقىڭلارغا، مەن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن كىشىلەرگە رازى بولىدىغانلىقىڭلارغا (ئۇلارنىڭ ئەمر ۋە تەلىماتلىرىغا بويسۇنىدىغانلىقىڭلارغا) دائىر ۋەدە بېرەلەمسىلەر؟ ئەگەر سىلەر ۋەدە بېرەلىسەڭلار، مەنمۇ ھېچبىر يېقىنىمغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىمغا ۋە ئۈممەتنىڭ مەسىلىلىرىگە بىپەرۋالىق قىلمايدىغانلىقىمغا دائىر سىلەرگە ۋەدە بېرىمەن،- دەپ جاۋاب بەردى.

ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف ئۇنىڭ تولۇق قانائەت ھاسىل قىلغان - قىلمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە:

ــ سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇغقان بولغانلىقىڭ، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغانلىقىڭ ۋە بۇ دىن ئۈچۈن كۆرسەتكەن كۆپلىگەن خىزمەتلىرىڭنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزەڭنى بۇ ماقامغا ئەڭ لايىق كۆرۈۋاتىسەن - شۇنداقمۇ؟! ئەگەر بۇ ۋەزىپە ساڭا بېرىلمىسە، بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ ئورۇنغا كىمنى ئەڭ مۇناسىپ كۆرگەن بولاتتىڭ؟- دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەلى:

ــ ئوسماننى ئەڭ مۇناسىپ دەپ ئويلايمەن،- دەپ جاۋاب بەردى.

ئابدۇررەھمان ئوسماننى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ئوخشاش سوئالنى سورىدى. ھەزرىتى ئوسمان:

ــ مەن ئەلىنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن،- دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئابدۇرراھمان بۇ سوئالنى زۇبەيردىن سورىدى. ئۇ: ـ مەنچە ئەلى مۇناسىپ،- دېدى. ئابدۇررەھمان ئەڭ ئاخىرىدا سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاستىن سورىدى. ئۇ:

ــ مەن ئوسماننى لايىق دەپ بىلىمەن،- دېدى.

بۇ تەڭپۇڭ ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ تارازىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئېغىر بېسىپ كېتىشىنى خالىمايتتى. چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپكە ئىككىدىن ئاۋاز بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ كىشىلەر ئابدۇررەھمان كىمنى تاللىسا، ئەڭ مۇۋاپىقى شۇ بولىدۇ دەپ ئۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنچ بىلەن قارايتتى. بۇ زاتلارنىڭ ھېچبىرىدە شەخسىيەتچىلىك دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف كېڭەش ئەزالىرى ئارىسىدىكى خەلىپە سايلىمىنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ قويۇپ، خەلقنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئېلىش نىيىتىدە سىرتقا چىقتى ۋە مەدىنىدىكى مۆتىۋەرلەر ۋە قوماندانلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئالدى، ئۇلار بىلەن كۆپ مەسلىھەتلەشتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەزرىتى ئوسمانغا مايىل ئىدى. ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت تۈگەشكە ئۆز قالغانىدى. ئۇ كۈنى يېرىم كېچىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئەل مۇنەۋۋەر ئىبنى مەھرەمەنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى ۋە ئۇنى ئويغىتىپ:

ــ نېمىشقا بۇنچىۋالا كۆپ ئۇخلايسەن؟ ماڭا قارا، مەن بۇ كېچە كۆزۈمنى يۇمۇپمۇ قويمىدىم. ماڭ بېرىپ زۇبەير بىلەن سەئدنى چاقىرىپ كەل!- دەپ قوپال چاقچاق قىلدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئابدۇررەھمان بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش قارارىغا كەلگەنىدى. ئۇ كېڭەش ئەزالىرى بىلەن بىرلىشىپ بۇ ئىشنى ھەل قىلىۋېتىشكە ئالدىرايتتى. ئەلۋەتتە، كېڭەش ئەزالىرىدىن باشقا ئۆزى كۆرۈشكەن كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرىنىمۇ ھېسابقا ئېلىپ، بۇنىڭدىن بىر نەتىجە چىقىرىش ئارزۇسىدا ئىدى. زۇبەير ۋە سەئدنى قايىل قىلىپ، ھەزرىتى ئوسمان ياكى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئارىلىرىدىن بىرىنى خەلىپىلىككە تەيىنلىمەكچى ئىدى.

ئەمما زۇبەير ۋە سەئد بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز رايىدىن يانمىغانلىقىنى بىلىپ، ساھابىلەردىن بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىگە بەيئەت تەلەپ قىلماقچى بولدى. شۇنداق قىلغاندا، بۇ بەيئەت ھەم كۈچكە ئىگە بولاتتى ھەم مەلۇم بىر مايىللىققا تايانماي قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقاتتى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشكە ھەققى قالمايتتى.

ئەتىسى سەھەردە، جامائەت بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئابدۇررەھمان كېڭەش ئەزالىرىنى يەنە بىر يەرگە يىغدى. ئاندىن مەيلى ئەنسار بولسۇن ياكى مۇھاجىر بولسۇن، مەدىنىدە تۇرۇۋاتقان مۆتىۋەرلەر ۋە قوماندانلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرتىپ كەلدى. ئادەم شۇنداق جىق ئىدىكى، كەلگەنلەر مەسچىدكە سىغماي قالدى. ئابدۇررەھمان ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

ــ ئەي خالايىق! كېڭەش ئەزالىرى (باشقا شەھەرلەردىن بۇ يەرگە كەلگەن ۋالىلارنىڭ يېڭىدىن تەيىنلىنىدىغان خەلىپىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۆز شەھىرىگە قايتىشى ئۈچۈن) بىر قارارغا كېلىپ بولدى.

ئابدۇررەھماننىڭ سۆزى بۇ يەرگە كەلگەندە، ئولتۇرغانلاردىن بەزىلىرى ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئون مۇبەششىر (دۇنيادا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون كىشى) دىن بىرى بولغان سەئد ئىبنى زەييىد سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋفكە ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئابدۇررەھمان:

ــ ياق! بۇندىن باشقا پىكرىڭ بولسا بايان قىلغىن،- دەپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىدى.

ئۇندىن كېيىن ئەممار ئىبنى ياسىر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مىقداد ئىبنى ئامىر ئۇنىڭغا قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىنلا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ سەرھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى ئوسمانغا ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇنىڭغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇرابىئەمۇ ئۇنىڭغا قېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن ئۆزى بىلگىنىچە بىر نەرسىلەرنى دېيىشكە باشلىدى. سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس ئورنىدىن تۇرۇپ:

ــ ئەي ئابدۇررەھمان! قالايمىقانچىلىق چىقىدىغان بولدى، تېزراق بول، بۇ مەسىلىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىۋېتەيلى!- دەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇردى. ئەمما ئابدۇررەھمان كېڭەش ئەزالىرىغا مۇنداق دېدى:

ــ ئەي دوستلار! مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە خەلقنىڭمۇ پىكرىنى ئالدىم، ئۇلار بىلەن كۆپ مەسلىھەتلەشتىم. ئەمما سىرتتىكىلەرنىڭ سىلەرگە مۇداخىلە قىلىشىغا ھەرگىز يول قويماڭلار! ـ دەپ بۇ يەردە بولۇۋاتقان غۇلغۇلىنىڭ ئۆزلىرىگە ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئاندىن ئۇ ھەزرىتى ئەلىنى ئالدىغا چاقىرىپ ئۇنىڭغا:

ــ اﷲ نىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقىڭغا ۋە بۇرۇنقى ئىككى خەلىپىنىڭ ئىزىدىن ماڭىدىغانلىقىڭغا ۋەدە قىلالامسەن؟- دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەلى:

ــ بىلىمىم ۋە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن،- دېدى. (بەلكىم ئۇ سۆزىنى كېسىپ ئېيتمىغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك) ئابدۇررەھمان ھەزرىتى ئوسماننى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىنمۇ شۇ سوئالنى سورىدى. ھەزرىتى ئوسمان:

ــ ھەئە، ۋەدە بېرەلەيمەن،- دەپ جاۋاب بېرىشى بىلەن دەرھال ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. بۇنى كۆرگەن جامائەتمۇ بىر ـ بىرلەپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشتى.

شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە تەيىنلەندى. ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف ھېچقانداق ئىختىلاپ ۋە غەۋغا چىقارمىغان ئاساستا مەسىلىنى ھەل قىلدى. ئۇ ھەزرىتى ئوسماننى قوللايدىغان كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكرىدىن باشقا پىكىرلەرنىڭ ئېغىر بېسىپ كېتىشىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا توسۇپ، تەڭ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىككى كىشىنىڭ ھېچبىرىگە تەرەپدار بولماي تۇرۇپ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغانىدى. بۇ نەتىجىگە، ئەلۋەتتە بۇ ئىككى چوڭ ساھابىنىڭ مىجەز ـ خاراكتېرىنى ناھايىتى ئوبدان بىلگەچكە ئېرىشەلىگەنىدى.

ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كۈنى كېڭەش ئەزاسى تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھمۇ مەدىنىگە يېتىپ كەلگەنىدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا:

ــ بېرىپ ئوسمانغا بەيئەت قىل!- دېيىشتى. تەلھە:

ــ قۇرەيشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن رازىمۇ؟- دەپ سورىدى. كىشىلەر:

ــ شۇنداق،- دېيىشتى. ئۇ يەنە:

ــ پۈتۈن خەلق ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدىمۇ؟- دەپ سورىدى. كىشىلەر:

ــ شۇنداق،- دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ:

ــ ئەگەر پۈتۈن خەلق پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن بولسا، مەن خەلقىمدىن ئايرىلمايمەن،- دېدى ۋە بېرىپ ھەزرىتى ئوسمانغا بەيئەت قىلدى.

تارىخچىلار ئىسلام تارىخىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى بۇ كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋە بۇ ئۈچ كۈن بويىچە ئۇلارنىڭ ئارىلىرىدا بولۇپ ئۆتكەن تالاش ـ تارتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل كۆز ـ قاراش ۋە پىكىرلەرنى بايان قىلغانىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ بايانلىرىنىڭ ئارىسىدا بىرمۇنچىلىغان زىتلىقلار مەيدانغا كېلىپ چىقتى. مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خۇددى ساھابىلەر ئارىسىدا زىددىيەت ۋە سۈركۈلۈش باردەك ھېسسىيات شەكىللىنىپ، بەزى كىتابخانلارنىڭ كۆڭلىدە ئۇ تەڭداشسىز جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ۋە بۇ ئۈممەتنىڭ قىممەتلىك رەھبەرلىرى ئارىسىدا ھەردائىم سىياسىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن دېگەندەك گۇمانلار پەيدا بولۇپ قالغانىدى.

ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق ئىش قەتئىي يوق ئىدى. چۈنكى بۇ خىل پوزىتسىيە ئۇلارنىڭ اﷲ قا بولغان مەھكەم ۋە تەۋرەنمەس ئىمانىغا، ساپ ئەخلاقى ۋە خاراكتېرلىرىغا پەقەتلا ئۇيغۇن كەلمەيتتى. يۈكسەك ماقامغا چىقىپ خەلقنى ئۆزىنىڭ چاكارى قىلىۋېلىش، دۇنيانىڭ ھاۋايى ـ ھەۋەسلىرىگە بېرىلىش دېگەنلەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى اﷲ تىن قورقۇش چۈشەنچىسىگە تامامەن زىت ئىدى.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بۇ ھەقتىكى ھەقىقەت شۇكى، ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپە بولۇشى جەريانىدىكى يىغىلىشلاردا ھېچقانداق ۋەقە چىقمىدى، ھېچقانداق مەسىلىمۇ كۆرۈلمىدى. شۇنداقلا، بۇ سايلام ئۈممەتنى پارچىلايدىغان، بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ۋەقەلەر ۋە ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولمىغانىدى.

ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن مېھرابقا چىقىپ قىسقىلا سۆز قىلدى. كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ غەمكىن ۋە پەرىشان ھالدىكىسى ئۇ ئىدى. سۆزىدە خەلققە بەزى نەسىھەتلەرنى قىلدى. ئۇلارغا ئاخىرەت ھاياتىنى ئەسلىتىپ، بۇ دۇنيانىڭ پىتنىلىرىگە ئارىلاشقاسلىقى ھەققىدە ئۆگۈت بەردى. ھەزرىتى ئوسماننىڭ بەيئىتى ھىجرىيەنىڭ 24 ـ يىلى، زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كەلگەنىدى. ئۇ ۋاقىتتىكى ۋالىلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىدەك ئىدى:

مەككە ۋالىسى: نافى ئىبنى ئابدۇلھارىس ئەل خۇزەي

تائىف ۋالىسى: سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ ئەس سەقافى

سەنئا ۋالىسى: يەئلا ئىبنى مۇنەببىھ

جەنەد ۋالىسى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ رابىئە ئەل مەھزۇمى

كۇفە ۋالىسى: ئەل مۇغىرە ئىبنى شەئبە ئەس سەقافى

بەسرە ۋالىسى: ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرى

شام ۋالىسى: مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇسۇفيان

ھىمس ۋالىسى: ئۇمەير ئىبنى سەئد

مىسىر ۋالىسى: ئەمر ئىبنى ئاس

بەھرەين ۋالىسى: ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاس

ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى فەتىھلەر

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى فەتىھلەر”

ھەزرىتى ئوسمان دەۋرى ھەقىقەتەن فەتىھلەر بىلەن ئۆتكەن دەۋر بولدى. بۇ فەتىھلەر ئاساسى جەھەتتىن ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە باشلانغان فەتىھلەرنىڭ داۋامى بولۇپ، ئون يىل بويىچە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا توختىماي داۋاملاشتى.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھەزرىتى ئوسماننىڭ دەۋرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى يىلى قالايمىقانچىلىق ۋە پىتنە ـ پاساتقا تولۇپ كەتتى. ھەتتا بۇ پىتنىلەر شۇنداق يېيىلىپ كەتتىكى، ئالدىنقى يىللاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن پۈتۈن نەتىجە بىراقلا سۈپۈرۈپ تاشلاندى. ئىنسانلار ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىنى پۈتۈنلەي قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ئۆتتى دەپ بىلىپ، بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقتى دەپ قارىشاتتى. ئەڭ ئېچىنارلىقى شۇكى، بۇ ۋەقەلەر كۈنسېرى شىددەتلىك تۈس ئېلىپ، ئەڭ ئاخىرى ھەزرىتى ئوسماننىڭ شېھىت قىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

بۇ ۋاقىتلاردا، مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇسۇفيان شامنىڭ ۋالىسى ئىدى. ئۇ بىزانسلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ، ئۇ دەۋردە ئاممۇرىيە دەپ ئاتالغان (ھازىرقى) ئەنقەرەگىچە يېتىپ باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئۇبادە ئىبنى ئەس سامىت، خالىد ئىبنى زەييىد، ئەبۇزەر ئەل ئەنسارى ۋە شەدداد ئىبنى ئەۋس قاتارلىقلار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىدى.

مۇسۇلمانلار ئەسكەر سانىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، ناھايىتى كەڭ تۇپراقلارنى فەتىھ قىلدى. دۈشمەن قوشۇنىنىڭ سانىغا نىسبەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بەكمۇ ئاز ئىدى. شۇڭا ھەر فەتىھ قىلغان يېرىدە ئاز ساندىكى ئەسكىرىي كۈچنى ئۇ يەرگە قويۇپ مېڭىشقا مەجبۇر بولاتتى. چۈنكى ئالدى تەرەپلەردە ئۇرۇشقا تەييار دۈشمەن قوشۇنلىرى ۋە چەكسىز كەتكەن چېگرالار بولۇپ، بۇ يەرلەرنى داۋاملىق قوغداپ تۇرمىسا بولمايتتى.

ئۇلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتىدىكى مەركەزلىرى ۋە ۋاقتى كەلگەندە لازىم بولغان يەرلەرگە ۋە ئالدىنقى سەپكە ياردەمگە كېلىدىغان ئەسكىرىي بازىلىرى بار ئىدى.

يۇقىرىقى سەۋەبلەر يېڭى فەتىھ قىلىنغان يەرلەرگە ناھايىتى ئاز ساندا بولسىمۇ ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا مەجبۇر قىلاتتى. ھەم شۇنداق قىلغاندا، يەرلىك خەلقنىڭ بىردىنلا جاسارەتلىنىپ جىزيە تۆلەشكە قارشىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارنى ئۇرۇپ ـ قوغلاپ، ھۆكۈمرانلىققا قارشى ئىسيان چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.

يەرلىك خەلق ئۆز يۇرتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن فەتىھ قىلىنىشىنى ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن بىر خاتالىق ياكى خاتا قىلىنىپ قالغان بىر ئىشنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى (يەنى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى) ۋاقتىدا ئاڭقىرالمىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇنداقلا، ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشلىرىنى ۋە تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن دۆلەتلىرىنى خىيال قىلىشىپ ھەسرەت چېكىشەتتى، ئۇ كۈنلىرىگە قايتىدىن ئېرىشىش ئارزۇ ـ خىياللىرىدا يۈرۈشەتتى ۋە ئۇلار ھەردائىم مۇسۇلمانلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرتوقاي قىلىدىغان مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەيتتى.

ئىنساننىڭ تەبىئىتى مانا مۇشۇنداق بولۇپ، ھەر دائىم پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىسلام دۆلىتىنىڭ پۇقراسىغا ئايلىنىپ بولغان غەيرى مۇسۇلمان خەلق پات ـ پات ئىسيان كۆتۈرۈپ، كېلىشىمنى بۇزاتتى.

مەسىلەن، ئاللىبۇرۇن فەتىھ قىلىنغان ئىران ۋە بىزانس تۇپراقلىرىدىكى خەلق ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ۋاپاتىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇيەر ـ بۇ يەردە ئىسيان كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى زەئىپلىشىپ كەتتى دەپ ئويلاشقانىدى. مۇسۇلمانلار يەنە بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرۇنقى كۈچ ـ قۇۋۋىتىدىن قالمىغانلىقىنى، ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىنىڭ بۇ جەھەتتە ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىشتى.

غەربىي سەپ

ھىجرىيە 25 ـ يىلى، مىسىر ۋالىسى ئەمر ئىبنى ئاس كېلىشىمنى بۇزغان ئىسكەندەرىيە خەلقىنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى ۋە ئۇرۇش بىلەن ئۇلارنى قايتا بويسۇندۇردى. ھەزرىتى ئۆمەر قوماندانلىرىدىن ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ ترابلۇسنىڭ فەتھىدىن كېيىن ئافرىقىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ يۈرۈش قىلىشىنى توسۇپ قويغانىدى. ئەمما ھەزرىتى ئوسمان ئۇنىڭغا قايتا ئىجازەت بەردى ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئىبنى ئەبۇسەرھنى بىر قوشۇنغا قوماندان قىلىپ، شۇ تەرەپكە ئەۋەتتى.

ئابدۇللاھ ترابلۇستىن ئۆتۈپ، دېڭىز ساھىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىزانس كېمىلىرىدىن بىر مۇنچىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن شىمالىي ئافرىقا سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى ۋە ھىجرىيە 27 - يىلى، (ھازىرقى تۇنۇسنىڭ شەھىرلىرىدىن) قەيراۋاننىڭ غەربىدىكى سۇبەيتىلا دېگەن يەردە بىزانس قوشۇنىغا دۇچ كەلدى. قەيراۋان شەھىرى ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى شەھەر بولۇپ قۇرۇلمىغانىدى. بىزانس قوشۇنىنى گېئورگ (George) ئىسىملىك بىر قوماندان باشقۇرۇۋاتاتتى. ئىسلام قوشۇنىدىكى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير بۇ ئۇرۇشتا گېئورگنى ئۆلتۈردى. مۇسۇلمانلار زەپەر قۇچقان بۇ ئۇرۇشتا ئابدۇللاھنىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى.

ئەمما ئىسلام قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئەبۇسەرھ ئۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىنى كۆزدە تۇتۇپ بىزانسلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ھەر يىلى مەلۇم مىقداردا جىزيە ئېلىش شەرتى بىلەن ئافرىقىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. ئۇ، مىسىرغا جەنۇپ تەرەپتىن تەھدىت سېلىۋاتقان نۇبالارنى توسۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.

شام ۋالىسى مۇئاۋىيە ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدىلا فەتىھ ئىشلىرىنى دېڭىز ئارقىلىقمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، ھىمس شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلارنىمۇ ئىسلام تېرىتورىيىسىگە قاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەلىپىگە بىلدۈرگەنىدى. ھەتتا ھىمس يېزىلىرىدىن بىرىنىڭ خەلقى ئۆزلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى رۇم يېزىلىرىدىن كەلگەن ئىت ۋە توخۇ ئاۋازلىرىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خەلىپىنى قايىل قىلماقچى بولغانىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، دېڭىز ھەققىدە مەلۇمات ئالماقچى بولدى، چۈنكى ئۇنىڭ دېڭىز توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇماتى يوق ئىدى. شۇ مەقسەتتە، ئەمر ئىبنى ئاسقا قىسقىچىلا خەت يېزىپ: «ماڭا دېڭىز سەپىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگىن! چۈنكى مەن نەپسىم بىلەن ئېلىشىۋاتىمەن» دېگەنىدى. ئەمر ئىبنى ئاس ئۇنىڭغا ھەزىل قىلىپ مۇنداق جاۋاب بەرگەنىدى: «دېڭىزدا بىرمۇنچىلىغان مەخلۇقنىڭ بىر مەخلۇققا مىنىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. دېڭىز جىمىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى ئاغزىغا كېلىپ قالىدۇ. دېڭىز شۇنداق چايقىلىشقا باشلىسىلا، ئەس ـ ھوشىنى يوقىتىپ قويۇشىدۇ. دېڭىز سەپىرىدە ئىمان سۇسلىشىپ، گاڭگىرش ۋە ئىككىلىنىش ئېڭى كۈچىيىدۇ. دېڭىز سەپىرىگە چىققان كىشىلەر خۇددى دەرەخ شېخىدىكى قۇرت ـ قوڭغۇزلارغا ئوخشايدۇ. كېمە قىيسىيىپ كەتسە، ھەممىسى دېڭىزغا تۆكۈلۈپ چۆكۈپ كېتىدۇ. ئەگەر قۇتۇلۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۆز يۇرتلىرىنى تاپالماي مۇساپىر بولىدۇ ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالىدۇ.»

ھەزرىتى ئۆمەر مۇئاۋىيەنىڭ جاۋاب خېتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مۇئاۋىيەگە مۇنداق دەپ خەت يازدى: «ياق! مۇھەممەدنى ھەق پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، ھېچ بىر مۇسۇلماننىڭ كېمىگە چىقىشىغا يول قويمايمەن.»

ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن مۇئاۋىيە بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا قايتا بىلدۈردى. ھەزرىتى ئوسمان ئۇنىڭ بىر كېمە بىلەن يولغا چىقىشىغا قوشۇلدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ تەلىمات بەردى: «ھېچكىمنى مەجبۇرىيي ياكى چەك تاشلاپ ئەسكەرلىككە ئالما، خەلق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلسە، ئۇلارنى ئېلىپ ماڭ ۋە ئۇلارغا ياردەمچى بول!»

مۇئاۋىيەمۇ ئۇنىڭ تەلىماتى بويىچە ئورۇنلاشتۇردى ۋە بەنى فەزارە قەبىلىسىنىڭ تەرەپدارلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس ئەل جاسىنى ئەسكەرلەرگە قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى.

ھىجرىيەنىڭ 28 ـ يىلى، ئۇ سىپرۇس ئارىلىغا سەپەر قىلىپ، خەلقىنى يىللىق يەتتە مىڭ دىنار جىزيەگە باغلىدى. ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر ۋىلايىتى بولغان مىسىر ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئىبنى ئەبۇسەرھ قوماندانلىقىدا سىپرۇس فەتھى ئۈچۈن (مۇئاۋىيەگە) ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتتى. ئەمما ئابدۇللاھ سىپرۇسقا يېتىپ بارغاندا، مۇئاۋىيە ئۇ ئارالنى پۈتۈنلەي قولغا چۈشۈرۇپ، ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈپ بولغانىدى.

سىپرۇس فەتھىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئۇبادە ئىبنى سامىت، مىقداد ئىبنى ئامىر، شەدداد ئىبنى ئەۋس ۋە ئەبۇزەر ئەل غىفارى قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. بۇلاردىن ئۇبادە ئىبنى سامىت ئايالى ئۇممۇ ھەرامنىمۇ بىللە ئېلىپ بارغانىدى.

بۇ ۋاقىتتا، ھەبىب ئىبنى مەسلەمە سۈرىيەدە تېخى بىزانسلارنىڭ قولىدا قېلىپ قالغان بەزى يەرلەرنى ئىستىلا قىلىپ، ئۇ يەرلەرنى ئىسلام تېرىتورىيىسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزدى.

ھىجرىيە 31 - يىلى، كىلىكيا ساھىلىدا مۇسۇلمانلار بىلەن بىزانس قوشۇنلىرى ئارىسىدا ئەرەبلەر تەرىپىدىن «زاتۇس سەۋارى» دەپ ئاتالغان قانلىق ئۇرۇش يۈز بەردى.

بۇ ئۇرۇشنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، ھەر ئىككى تەرەپ ئاۋۋال بىر ـ بىرىگە كاپالەتلىك قىلىپ، فىلوتلىرىنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇردى ۋە تۈۋرۈكلىرىنى بىر - بىرىگە چاتتى. ئەمما كېيىنچە، بىزانس قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئۇرۇش قىلىشقا قارار بەردى. ئىسلام فىلوتلىرىنىڭ قوماندانى مىسىردىن كەلگەن قوشۇننىڭ بېشىدىكى ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئىبنى ئەبۇ سەرھ ئىدى. بىزانسلارغا بولسا، ئىمپېراتور كونستانتىن ئۆزى قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى. بىزانسلارنىڭ فىلوتى بەش يۈزدىن ئارتۇق كېمىدىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ، ئۇرۇش مەيدانىدىن قاچتى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.

بىزانس كېمىلىرىنىڭ تۈۋرۈكلىرى ناھايىتى تۈز بولۇپ، پۈتۈنلەي قارىغاي دەرىخىدىن قىلىنغانىدى. بۇ، دەرەخ ۋە ئورمانلارنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. بۇ رايوننىڭ ساھىللىرى پۈتۈنلەي مۇشۇ تۈردىكى قارىغاي ئورمانلىقى بىلەن قاپلانغانىدى.

شام ۋالىسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇسۇفيان بىزانسلارنىڭ قولىدىكى مالاتيا ئەتراپلىرىدىكى ھىسنۇل مەرئە (ئايال قەلئەسى) نى ئىشغال قىلدى. بۇ ۋاقىتتا، مىسىر ۋالىسى ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئىبنى ئەبۇسەرھ ئىسلام دۆلىتى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنامىسىنى بۇزۇپ، ئىسيان كۆتەرگەن ئافرىقىغا يۈرۈش قىلدى ۋە بۇ رايوننى ئىككىنچى قېتىم فەتىھ قىلىپ (بەرمەسلىك ئۈچۈن تىركەشكەن جىزيەنى يېڭىدىن بېرىدىغان قىلىپ)، ئۆزلىرىگە باش ئەگدۈردى.

شەرقىي سەپتە ئېلىپ بېرىلغان فەتىھلەر

ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە ئۆلكىلىرى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ۋەكىلى خۇزەيفە ئىبنى ئەل يامان بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، شەرتنامىگە ئاساسەن تۆلەشكە تېگىشلىك جىزيەنى تۆلىمەسلىككە تىركەشتى. ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىنىڭ قوماندانلىرىدىن ئەل ۋەلىد ئىبنى ئۇقبە بىر قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. قوشۇن تۇرشاۋۇللىرىنىڭ بېشىدا سەلمان ئىبنى رابىئە ئەل باھىلى بار ئىدى. نىھايەت، بۇ ئىككى ئۆلكە خەلقى قايتىدىن ئەھدىنامە تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.

ھەبىب ئىبنى مەسلەمە ئىبنى خالىد ئەل فەھرى غەربتىن ئەرمەنىيەگە قاراپ يۈرۈش قىلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى شام ۋىلايىتىگە مەنسۇپ قوشۇنغا كۇفەلىكلەر سەلمان ئىبنى رابىئە ئەل باھىلى قوماندانلىقىدا سەككىز مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ياردەم قىلدى. ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى فەتىھ ھەرىكەتلىرى مۇنداق داۋاملاشتى:

ھىجرىيە 29 ـ يىلى، خۇراسان ئەمىرى ئۇمەير ئىبنى ئوسمان ئىبنى سەئد (ھازىرقى ئۆزبەكىستانغا تەۋە) فەرغانە شەھىرىگە يۈرۈش قىلدى. شۇ يىلى يەنە سىجىستان (ئىراندا) ئەمىرى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەير ئەل لەيسى كابۇلغا، كىرمان (ئىراندا) ئەمىرى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مۇئەممەر ئەت تەمىمى سىنا دەرياسىغا قەدەر يېتىپ باردى. شۇنداقلا، باسرا (ئىراقتا) ئەمىرى ئابدۇللاھ ئامىر ئىبنى قۇرەيز بىر توپ قوشۇننى باشلاپ، ئىسيان كۆتەرگەن ئىستاھر (ئىراندا) ئاھالىسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى. ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇننىڭ تۇرشاۋۇللىرىغا ئوسمان ئىبنى ئەل ئاس باشچىلىق قىلاتتى.

بۇ ۋاقىتتا، كۇفە ئەمىرى سەئىد ئىبنى ئەل ئاس ئۆز يېنىغا ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى ھەسەن ۋە ھۈسەين، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير قاتارلىقلارنى ئېلىپ، خوراسانغا سەپەر قىلدى.

ئەمما باسرا ئەمىرى ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر باشقا بىر تەرەپتىن بۇ يەرگە كېلىپ بولغانىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كۇفە ئەمىرى سەئىد ئىبنى ئەل ئاس يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ كومەسكە قاراپ ماڭدى.

كومەس خەلقى نىھاۋەند ئۇرۇشى ۋاقتىدا خۇزەيفە ئىبنى ئەل يامان بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە رىئايە قىلىۋاتاتتى. شۇڭا سەئد بۇ يەردىن جۇرجانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۇ يەرنىڭ خەلقى بىلەن ھەر يىلى ئىككى مىڭ دىنار جىزيە تۆلەشكە كېلىشكەندىن كېيىن، چۆلگە يېتىپ بارغىچە سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى. ئەمما جۇرجان خەلقى سۆزىدىن يېنىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىنى توسۇشقا ۋە يولدىن ئۆتكەن ـ كەچكەنلەرنى بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال، قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم ئەل باھىلى خۇراسان ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا ئالغانغا قەدەر داۋاملاشتى.

پارس خەلقى يەنە قوزغالغانىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر قوشۇن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى ۋە ئىككىنچى قېتىم فەتىھ قىلدى. بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن پەرىشان ھالغا چۈشۈپ قالغان ساسانىيلار ئىمپېراتورى يەزدىگىرد كىرمانغا قاچتى. مۇشاجى ئىبنى مەسئۇد ئەس سىلمى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا مەسئۇل قىلىندى. يەزدىگىرد قېچىپ كېتىۋېتىپ، مورگاب دەرياسى بويىدىكى بىر تۈگمەنگە يولۇقۇپ ئۆتتى. كېيىنچە (بىلىنمىگەن بىر سەۋەب بىلەن) بۇ يەردە تۈگمەنچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلاندى.

خۇراسان خەلقىمۇ قوزغالغانىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر بۇ يەرگە قوشۇن تارتتى. قوشۇن تۇرشاۋۇللىرىنىڭ بېشىدا ئەل ئەھمەد ئىبنى قەيس بار ئىدى. بۇ قېتىملىق سەپەر جەريانىدا تۇس، ئەبيورد ۋە نەسەنى ئىشغال قىلىپ، سەراھسقا يېتىپ باردى. ئاندىن مەرۋ خەلقى بىلەن ئەھدىنامە تۈزۈش ئارقىلىق خۇراسان رايونىنى ئىككىنچى قېتىم فەتىھ قىلدى.

ھىجرىيە 32 ـ يىلى، ھەزرىتى ئوسمان كۇفە ئەمىرى سەئد ئىبنى ئاسقا مەكتۇب يوللاپ، ئۇنىڭ سەلمان ئىبنى رابىئەنى ئەل باب دېگەن يەرگە ئەۋەتىشىنى ئەمر قىلدى. سەلمان خەلىپەنىڭ ئەمرىگە بىنائەن بۇ يەرگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ باشقا بىر يەردە ئۇرۇش قىلىۋاتقان قېرىندىشى ئابدۇررەھمان ئىبنى رابىئە ئەل باھىلى شېھىت بولدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قوشۇن تالاپەتكە ئۇچراپ، تەرەپ ـ تەرەپكە پېتىراپ ، بەزىلىرى گەيلانغا، يەنە بەزىلىرى جۇرجانغا كەتتى.

ساھابىلاردىن ئەبۇھۇرەيرە ۋە سەلمان فارىسىمۇ بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى. تارقىلىپ كەتكەن بۇ قوشۇننىڭ بەزى ئەسكەرلىرى سەلمان ئىبنى رابىئەنىڭ قېشىغا بېرىۋالدى. قوماندان خۇزەيفە ئىبنى ئەل يامانمۇ سەلمان بىلەن بىللە ئىدى. ھەزرىتى ئوسمان ئەرمىنىيەدە تۇرۇۋاتقان شام قوشۇنىنىڭ قوماندانى ھەبىب ئىبنى مەسلەمەگە خەۋەر يوللاپ، ئۇنىڭ ئەل بابتا ئۇرۇش قىلىۋاتقان سەلمان ئىبنى رابىئە ئەل باھىلىغا ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىشىنى ۋە ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىنى ئەمر قىلدى. خەلىپىنىڭ ئەمرى ئورۇندالدى.

لېكىن خۇراسان خەلقى يەنە قوزغالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر ياردەمچى قوماندانلاردىن ئەل ئەھمەد ئىبنى قەيسنى مەرۋى رۇزغا ئەۋەتتى. ئۇ بۇ يەرنىڭ خەلقى بىلەن ئەھدىنامە تۈزدى. ئەمما تالەغان، فەرياب، جۇزجان ۋە تاخارىستان رايونلىرىنىڭ پۈتۈن ئاھالىسى بىرلىشىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان بولسىمۇ، اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن مۇسۇلمانلار يەنە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. ئۇندىن باشقا، بەلخ خەلقى بىلەنمۇ ئەھدىنامە تۈزۈلدى. ئاندىن ئەل ئەقرا ئىبنى ھابىس جەۋزىجان دېگەن يەرگە ئەۋەتىلىپ، بۇ يەرمۇ فەتىھ قىلىندى ۋە بۇ ئارقىلىق ھىجرىيەنىڭ 33 ـ يىلى خۇراسان ئۈچىنچى قېتىم فەتىھ قىلىنغان بولدى.

فەتىھ ھەرىكەتلىرى ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە مانا مۇشۇنداق كەڭ كۆلەملىك قانات يايغانىدى.

بىر تەرەپتىن ئافرىقا، سىپرۇس ۋە ئەرمىنىيە قاتارلىق يېڭى تۇپراقلار ئىسلام تېرىتورىيىسىگە كىرگۈزۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىراننىڭ خۇراسان ۋە بابۇل ئەبۋاب رايونلىرىدا ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلىنغان خەلق قايتىدىن ئىتائەتكە بويسۇندۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىند رايونى، كابۇل ۋە پەرغانە شەھەرلىرىمۇ ئىسلام تۇپراقلرىغا قېتىلدى.

ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

بۆلۈم: “ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى”

ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە مۇسۇلمان خەلق تېخىمۇ پەزىلەتلىك بولۇپ، كىشىلەر بىر ـ بىرى بىلەن ئىچەكىشىپ كەتكەن ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىش ناھايىتى كەڭ قانات يايغان ئىدى. ئەلۋەتتە، ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەن كۈنى خەلق بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتمىدى. شۇنداق دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇكى، ئۇ ھەزرىتى ئۆمەرگە قارىغاندا خەلقنى بىر ئاز ئەركىگە قويۇپ بەرگەچكە، خەلق ئۇنىڭدىن بەكمۇ مەمنۇن بولغانىدى. چۈنكى خەلق ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇشىدىن بىزار بولۇپ تۇرغانىدى. شۇڭا خەلق ئۇنىڭ ھەددىدىن زىيادە مېھرىبانلىقى ۋە مۇلايىم مۇئامىلىسىگە بولغان رازىمەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەشكە باشلىغانىدى.

تارىخچىلار بۇ ئىككى دەۋر ئارىسىدىكى پەرقنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ۋە ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشسىمۇ، خەلقنىڭ بۇ دەۋردە يولغا قويۇلغان ‹قاتتىق باشقۇرۇش› تىن بىزار بولغانلىقىنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.

ھەزرىتى ئوسماننى خەلىپىلىك ماقامىغا چىقارغان كېڭەش ئەزالىرىنىڭ خەلققە نىسبەتەن بېسىمى ياكى ھېچقانداق يامان تەرىپى بولۇپ باقمىدى. ئەكسىچە، ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى ناھايىتى نورمال شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى ۋە ھېچكىم بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرمىدى.

كېڭەش ئەزالىرىغا كەلسەك، ئابدۇررەھماننىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن نامزاتلىقتىن چېكىنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. زۇبەير بىلەن سەئدمۇ باشقىلىرىنى نامزات كۆرسەتتى. ھەزرىتى ئەلىدىن باشقا ھېچكىم قالمىغانىدى. ئەسلىدە، باشتىن ئاخىرغىچە ئۇنىڭمۇ خەلىپىلىكتە ھېچقانداق كۆزى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇمۇ ھەزرىتى ئوسمانغا ئاۋاز بەرگەنىدى.

بۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللاھنىڭ ھۇرمۇزان، جۇفەينە ۋە ئەبۇ لۇئلۇئەنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى جەمئىيەتتە ناھايىتى چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ھەزرىتى ئۆمەرگە قىلىنغان بۇ سۇيىقەست مەجۇسىي، يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ قىلغان ئىشى ئىدى. بۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بەزىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بولۇپ، ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان قىلىپ كۆرسىتەتتى. بەزىلىرى بولسا، سىرتتا ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتا قولى بار ئىدى.

بۇ ئەھۋالدا، قاتىللارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئىدىئولوگىيىلىك مەقسەت بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغا قەست قىلىش سەۋەبى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ۋە بۇ جازا پەقەت خەلىپە تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ خەلىپىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىنغان ھېسابلىناتتى ۋە ھۆكۈمەتسىزلىككە (باشباشتاقلىققا) يول ئاچاتتى. شۇنداقلا، بۇ خالىغان ئادەم ھەر ئىشنى ئۆز ئىستىكى بويىچە قىلىش دېگەن بىلەن باراۋەر ئىدى. مانا بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرىگە سەل قاراشقا بولمايتتى.

شۇڭا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللاھ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ جازاسىنى تارتىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ جازاسىنى بېرىدىغان كىشى يەنىلا خەلىپە ئىدى. خەلىپە جىنايەتنى تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ بولغىچە ئۇبەيدۇللاھ تۇتۇلۇپ، زىندانغا تاشلانغانىدى.

ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ مانا بۇ مەسىلىگە دۇچ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن كىشىنى چوقۇم جازالىشى، يەنى ئۇبەيدۇللاھنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى شەرت ئىدى. ھەزرىتى ئەلى ۋە باشقا بىر قانچە ساھابىمۇ شۇ پىكىردە ئىدى. باشقا ساھابىلەرنىڭ قارىشىچە، تېخى تۈنۈگۈنلا ناپاك قوللاردا ئۆلتۈرۈلگەن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلىنىڭ بۈگۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ناھايىتى قىيىن بىر مەسىلە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆككەن چاغدىلا ئاندىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىناتتى. ئەمما خەلق ھۇرمۇزاننىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلىنەتتى. مۇشۇ سەۋەب بىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمى ھەزرىتى ئوسمانغا (ئىسلام ھوقۇقىغا كۆرە باشپاناھى بولمىغان بۇ ياتلارغا خەلىپە سۈپىتى بىلەن باشپاناھ بولۇپ) دۆلەت خەزىنىسىدىن تۆلەم تۆلەپ بېرىشىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياكى باشباناھلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تۆلەمنى يەنە خەزىنىگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەكلىپ قىلسا، يەنە بىر قىسمى بۇ تۆلەمنى دۆلەت خەزىنىسىدىن ئەمەس، بەلكى شەخسىي مۈلكىدىن تۆلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى.

ئەمما خەلىپە بۇ خىل ھىيلە ـ مىكىرلىك چارىلەر بىلەن ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق اﷲ نىڭ ھۆكمىدىن بىرىنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقىغا كۆز يۇمالمايتتى. شۇڭا ئۇ جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇبەيدۇللاھنى ھۇرمۇزاننىڭ ئوغلى كۇمازەبانغا تاپشۇردى. چۈنكى ھۇرمۇزاننىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقىرىلغانىدى.

كۇمازەبان بۇ ئىبرەتلىك ۋەقەنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«كېيىنچە مەدىنىگە كېلىپ يەرلەشكەن (بىز) ئەجەملەر بىر ـ بىرىمىزنى يوقلاپ، ئۆز ئارىمىزدا باردى ـ كەلدى قىلىشىپ تۇراتتۇق. بىر كۈنى فەيرۇز دادامنى يوقلاپ كەلدى، ئۇنىڭ قولىدا ئىككى باشلىق بىر خەنجەر بار ئىدى. دادام خەنجەرنى قولىغا ئېلىپ:

ــ بۇ مەملىكەتتە بۇنىڭ بىلەن نېمە ئىش قىلىسەن؟- دەپ سورىدى. فەيرۇز:

ــ ھېچ ئىش قىلمايمەن، ئۆزەم مۇنداقلا كۆتۈرۈپ يۈرىمەن، كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇش ئۈچۈن شۇ… ،- دېدى. دادام خەنجەرنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا بىرى كۆرۈپ قاپتۇ. ئەتىسى ھەزرىتى ئۆمەر قەتىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەم بېرىپ بۇ خەنجەرنى دادامنىڭ قولىدا كۆرگەنلىكىنى ۋە خەنجەرنى فەيرۇزغا دادامنىڭ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇبەيدۇللاھ كېلىپ دادامنى ئۆلتۈردى. ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، مېنى چاقىرىپ ئۇبەيدۇللاھنى ماڭا تاپشۇردى ۋە مۇنداق دېدى:

ــ ماڭا قارا بالام! مانا بۇ داداڭنىڭ قاتىلى. سەن داداڭ ئۈچۈن (ئۇنىڭ ئۆزىدىنمۇ) بەكرەك قىممەتلىكسەن. بۇ ئادەمنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغىن!

مەن ئۇبەيدۇللاھنى ئېلىپ ماڭدىم. مەدىنىدىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان پۈتۈن خەلق ئەتراپىمىزغا توپلىشىۋالغانىدى. ئۇلار مېنىڭ ئۇنى كەچۈرۈۋېتىشىم ئۈچۈن يالۋۇراتتى. مەن ئۇلارغا:

ــ مەن بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرسەم بولامدۇ؟- دەپ سورىدىم. ئۇلار:

ـ ئەلۋەتتە ئۆلتۈرسەڭ بولىدۇ،- دېيىشتى ۋە ئۇبەيدۇللاھقا تىل - ئاھانەت ياغدۇرۇشقا باشلىدى. مەن يەنە:

ــ مەن ئۇنى ئۆلتۈرسەم، مېنى توسۇپ، ئۇنى قوغدامسىلەر؟- دەپ سورىدىم. ئۇلار:

ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمىز،- دېيىشتى ۋە ئۇنىڭغا توختىماي ئاھانەت ياغدۇرۇشتى. شۇنىڭ بىلەن، مەن اﷲ نىڭ رازىلىقى ۋە ئۇلارنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈن ئۇبەيدۇللاھنىڭ گۇناھىدىن كەچتىم. اﷲ قا قەسەم قىلىمەن، خەلق بۇ ئىشقا شۇنداق سۆيۈندىكى، دەرھال مېنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ، ئۆيۈمگىچە كۆتۈرۈپ باردى.

»

مانا مۇشۇ تەرىقىدە، ھەق ئىگىسى ئۆز رازىلىقى بىلەن ھەققىدىن ۋاز كەچتى ۋە ئۇبەيدۇللاھنى كەچۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭ تۆلىمىنى ھەزرىتى ئوسمان ئۆز مېلىدىن چىقىرىپ تۆلىدى. قالغان ئىككىسىنىڭ باشپاناھى بولمىغاچقا، ھەزرىتى ئوسمان ئۇلارغا بېرىلىدىغان تۆلەمنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى. شۇنداق قىلىپ، مەسىلە تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىنىپ، غۇلغۇلا بېسىقتى ۋە خەلق يەنە بۇرۇنقى كۈنلىرىگە قايتىپ، بىر ـ بىرى بىلەن ياردەملىشىدىغان، ئەخلاقى ـ پەزىلەتلىك ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ مەزگىل ئۇزۇن داۋاملاشمىدى. خەلق ئاستا ـ ئاستا شەرىئەت سىزىقىدىن چىقىپ، ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭمۇ مەلۇم سەۋەبلىرى بار ئىدى. بۇ سەۋەبلەرنىڭ بەزىلىرى بىۋاسىتە خەلىپىنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، بەزىلىرى ئۆزگەرگەن دۇنيا ۋە دۆلەت شارائىتلىرى بىلەن ۋە بەزىلىرى يولغا قويۇلغان سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ھەزرىتى ئۆمەر ناھايىتى كەسكىن، پرىنسىپچان ۋە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى كىشىلەرگە قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بىرى بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى، ئۇنىڭغا ھۆرمەت ـ ئېھتىرام بىلدۈرەتتى ۋە ھېچكىم ئۇنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. ئىبنۇل جەۋزى مۇنداق بىر ۋەقەنى نەقىل قىلىدۇ: «بىر كۈنى ھەزرىتى ئۆمەر مەككىگە كەلگەنىدى. شەھەر خەلقى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

ــ ئەي ئەمىرۇل مۇئمىنىن! ئەبۇسۇفيان ساينىڭ ئىچىگە توساق قۇرغىلى تۇرۇپتۇ. بۇ يەرگە يىغىلغان يامغۇر سۈيى بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ،- دەپ شىكايەت قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئۆمەر قولىدىكى تاياقنى تۇتقان پېتى ئەبۇسۇفياننىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسا، ھەقىقەتەن ئەبۇسۇفيان تاشلارنى يىغىپ كېلىپ، بىر توسما ياسىغان ئىكەن. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا ۋارقىرىغان تەلەپپۇزدا:

ــ شۇ تاشنى ئېلىۋەت!- دېدى. ئەبۇسۇفيان تاشنى ئېلىۋەتتى. ھەزرىتى ئۆمەر قالغان تاشلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەنە شۇ تەلەپپۇزدا:

ــ ئەمدى ماۋۇنى ئال! ئاۋۇنىمۇ ئېلىۋەت! ئاۋۇنىمۇ… - دەپ تاشلارنىڭ ھەممىسىنى ئالغۇزۇۋەتتى. ئاندىن كەبىگە قاراپ:

ــ شۇ مەككىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئۆمەرنىڭ ئەبۇسۇفيانغا ئەمر قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭمۇ ئېتىراز بىلدۈرمەي بۇ ئەمرلەرنى ئورۇندىشىغا مۇيەسسەر قىلغان اﷲ قا ھەمدى بولسۇن! ئۇ (ئەي اﷲ! سەن نېمىدېگەن ئۇلۇغ؟! ـ دەپ) بىر تەرەپتىن اﷲ قا شۈكرى ئېيتسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بىر ۋاقىتلاردا قۇرەيشنىڭ لىدىرى ۋە مەككىنىڭ رەئىسى ئەبۇسۇفياننىڭ ئۆزىدىن نەقەدەر ئەيمەنگەنلىكىگە ھەيران قالغانىدى.»

تارىخچى تەبەرىمۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەزرىتى ئۆمەر سىرتتىن ئېلىپ كېلىنگەن غەنىمەت مالنى خەلققە تارقىتىپ بېرىۋاتاتتى. ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىدى. بىر ۋاقىتتا، سەئد ئىبنى ئەبۇۋەققاس كۆپچىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىنى يېرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئاچچىقىدا قولىدىكى توقماق بىلەن ئۇنى ئۇرۇپ تۇرۇپ: ــ اﷲ نىڭ دۇنيادىكى ھۆكمىگە قارشى كەلدىڭ، شۇنى بىلىپ قويكى، اﷲ نىڭ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلىقىمۇ ساڭا قارشى تۇرىدۇ،- دېدى.»

ھەزرىتى ئوسمانغا كەلسەك، ئۇ ناھايىتى مۇلايىم ئىدى. ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيى تۈپەيلىدىن خورىكى ئۆسۈپ كەتكەن خەلقنىڭ غەليانى بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇردى. ئۇلار ئالدى بىلەن خەلىپىدىن ۋەزىپە بېشىدىكىلەرنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئوسمان ئۇلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن كۇفە ۋالىسى مۇغىرە ئىبنى شۇئبەنى ۋالىلىقتىن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سەئد ئىبنى ئەبۇۋەققاسنى تەيىنلىدى.

ئاندىن ئۇنىمۇ ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ۋەلىد ئىبنى ئۇقبەنى تەيىنلىدى. ئۇندىن كېيىن سەئىد ئىبنى ئەل ئاسنى تەيىنلىدى. ئاندىن ئۇنىمۇ ئېلىپ تاشلاپ ئەبۇمۇسا ئەل ئەشئەرىنى تەيىنلىدى. ئۇندىن باشقا، ئەبۇمۇسا ئەل ئەشئەرىنى باسرا ۋالىلىقىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر ئىبنى قۇرەيزنى تەيىنلىدى. ئەمر ئىبنى ئاسنى مىسىر ۋالىلىقىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئىبنى ئەبۇ سەرھنى تەيىنلىدى.

ھەزرىتى ئوسمان ۋەزىپە بېشىدىكى كىشىلەرگە بەكمۇ مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلغاچقا، بەزىدە ئۇلار ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئەمرلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرەتتى، ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭغا تىل تەككۈزۈشتىنمۇ يانمايتتى. ھەزرىتى ئۆمەر بەكمۇ قاتتىق قول، ئەمما ھەزرىتى ئوسماننىڭ كۆڭلى بەكمۇ يۇمشاق ئىدى.

ھەزرىتى ئۆمەر ئۆز ئائىلىسىگىمۇ ناھايىتى قاتتىق قول مۇئامىلە قىلاتتى. خەلققە بىرەر چەكلىمە قويۇشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىگە مۇنداق دەيتتى: «ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! مەن خەلقنى ماۋۇ ـ ماۋۇ ئىشلاردىن چەكلىدىم. سىلەرمۇ ئېنىق بىلىسىلەر، خۇددى قۇزغۇننىڭ كۆزى تاپتا بولغىنىدەك، خەلقنىڭ كۆزى ھەمىشە سىلەردە. ئەگەر سىلەر چەكلەنگەن ئىشنى قىلىپ قويساڭلار، خەلق سىلەرنى دوراپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە يۈزلىنىدۇ. شۇڭا، اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، ئاراڭلاردا كىم مېنىڭ ئالدىمغا گۇناھكار سۈپىتىدە ئېلىپ كېلىنىدىغان بولسا، ئائىلەم ياكى تۇغقىنىم دېمەي، باشقىلارغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق جازالايمەن. گېپىمنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداق بولسا، خالىغان گۇناھ ئۆتكۈزسۇن، خالىغانلار ئىش ـ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلسۇن!»

ھەزرىتى ئوسمان بولسا، ئۆز ئائىلىسىگە ۋە يېقىن ئەتراپىدىكىلەرگە بەكمۇ يۇمشاق مۇئامىلە قىلاتتى. ئەسلىدە ئۇ بارلىق ئىنسانلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە، ئىنسان ھەر زامان ئالدى بىلەن ئۆز يېقىنلىرىغا مېھرى ـ شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ مەرھەمەت تۇيغۇسى شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىدىكى، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلغان تۇنجى كۈنى ئۇ نۇرغۇن مال ـ مۈلكىنى دۆلەت خەزىنىسىگە ئاتىغانىدى. شۇنداقلا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىدە ھەردائىم شۇنداق قىلاتتى.

ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان فەتىھ ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرگە، مال ـ بايلىق ۋە غەنىمەتلەر مەدىنىگە قاراپ ئېقىشقا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كۈچلىنىشكە باشلىدى. ھەزرىتى ئوسمانمۇ يېقىنلىرىغا تېخىمۇ كۆپلەپ ئىلتىپات كۆرسەتتى ۋە قانۇنلۇق مالدىن ئۇلارغىمۇ تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا يېقىنلاشتى، ھەم ئۇلارنىمۇ ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇردى. ئەلۋەتتە، يېقىنلىرىغا ۋە خىش ـ ئەقرىبالىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا خەيرىخاھلىق قىلىش تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىشتۇر. ئەمما ئۇنىڭ بۇ يۇمشاق مۇئامىلىسى، مېھرى ـ شەپقىتى ئۇلارنىڭ خۇيىنى ئۆزگەرتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بەزى يېقىنلىرىنى ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ ۋە باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە دەپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەچكە، كۆرۈنۈشتە ھەزرىتى ئوسمان ئۆز تۇغقانلىرىغا ئەمەل ـ مەنسەپ تۇتقۇزغاندەك كۆرۈنەتتى. ئەمما، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆز خىش ـ ئەقرىبالىرىغا بۇرۇندىن تارتىپلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكى ھەممىگە ئايان ئىدى.

ھەزرىتى ئۆمەر خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەن ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بەكمۇ تۆۋەن ئىدى. خەلق بەكمۇ يوقسۇل بولغاچقا، ھاياتى ئاددى ـ ساددا، تۇرمۇشى غورىگىل، تاپقىنىغا شۈكرى قىلىپ، تاپالمىسا سەۋر قىلىپ ئۆتەتتى. شۇڭا ئۇلار ئۆز رەھبەرلىرىنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىغا بەكرەك بويسۇناتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە مۇسۇلمانلار ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئىشىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش، ئىلاھىي چاقىرىقنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە داۋاملىق تۈردە فەتىھ ۋە جىھاد ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغانىدى. بىر جەڭ مەيدانىدىن يەنە بىر جەڭ مەيدانىغا يۈگرەيتتى. دۆلەتنىڭ چېگرىسى بىردىنلا كېڭىيىپ، دۆلەت ئىچىگە ئولجا ۋە غەنىمەت ئېقىپ كىرىپ، پۇل ـ مال مۇجاھىدلارغا ۋە خەلققە تارقىتىلىشقا باشلىشى بىلەن خەلق قىسقا مۇددەت ئىچىدە بېيىپ كەتتى.

ھەم دۆلەت خەزىنىسىنىڭ تولۇپ كېتىشى ھەم ھەزرىتى ئوسماننىڭ سېخىيلىقى تۈپەيلىدىن دۆلەت خەزىنىسىگە بىرىكىپ قالغان مال ـ دۇنيا پات ـ پات خەلققە تارقىتىلىپ تۇراتتى. ھەتتا ھەزرىتى ئوسمان بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، بەزىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي مېلىنىمۇ تارقىتىپ تۇراتتى. مانا بۇلار، شەرت ـ شارائىت ۋە مۇھىتنىڭ ئاستا ـ ئاستا ئۆزگىرىشىگە، ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن ھەزرىتى ئوسمان دەۋرلىرى ئارىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىشىغا، بۇ پەرقنىڭ ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشىگە يول ئاچقانىدى.

ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ھەزرىتى ئوسمان دەۋرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان فەتىھ ھەرىكەتلىرى مۇسۇلمانلارنى اﷲ يولىدا جىھاد قىلىشقا ئۈندەيتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمى چېگرا ياكى ئالدىنقى سەپكە ئاتلانسا، يەنە بىر قىسمى بۇ سىتراتېگىيىلىك ئورۇنلارغا يېقىن (شەھەرلەشتۈرۈلگەن) يەرلەرگە ئورۇنلىشاتتى، ئۆي ياساپ ماكان تۇتاتتى، ھەتتا بەزىلىرى ئۆيلۈك ـ ئوچاقلىق بولاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئەمەس، بەلكى كۆپىنچىسى تەمىم، قىندە، قۇزائە، كەلب، باھىلە، ئابدۇلقەيس ۋە بەكىر ئىبنى ۋائىل قەبىلىلىرىگە مەنسۇپ كۆچمەن ئەرەبلەر بولۇپ، فەتىھ ھەرىكەتلىرىدە بۇلارنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ ئىدى. ئۇلار ئىسلامغا دەسلەپ ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە ئوخشاش مۇھىم، ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە كۈچلۈك، ئەھمىيەت بېرىشكە ھەتتا باش ئېگىشكە تېگىشلىك سىياسىي كۈچ نەزىرىدە قارىلاتتى. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلار داۋاملىق تۈردە فەتىھ ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش جەريانىدا مەلۇم دەرىجىدە مال ـ مۈلۈك ساھىبىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇرۇش توختىتىلغان مەزگىللەردە بۇ قەبىلىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈش ۋە ئۇلارنى تەرتىپ ـ ئىنتىزام بىلەن باشقۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى شەھەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرنىڭ نوپۇسى بەكمۇ ئازلاپ كېتىپ، بۇلارنىڭ ئورنىغا قۇللار ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرى توشۇپ كەتكەنىدى. شۇڭا بۇ يەرلەردىكى بۇرۇنقى ئىنتىزام، ئىجتىمائىي قۇرۇلما تەڭپۇڭلۇقى ۋە ماسلىشىشچانلىق بۇزۇلۇپ، ئىپتىدائىي ۋە كۆچمەن ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىسى بۇ يەرلەرگە ھاكىم بولغانىدى. ئۇندىن باشقا، سىرتتىن كېلىپ بۇ شەھەرلەرگە يەرلەشكەن ئىنسانلارنىڭ ھەرخىل دىن ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇشى تۈپەيلىدىن بۇ يەرلەردە ھەرخىل، ئەبجەش جەمئىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى. فەتىھلەردىن كېيىن بۇ يەرلەرگە كەلگەن ھەرخىل ئىرق ۋە ئېتىقادقا تەۋە ئىنسانلار شۇنداق بىر جەمئىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدىكى، بۇ جەمئىيەتنى باشقۇرۇش ياكى ئەڭ بولمىغاندا بەزى كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشمۇ پەۋقۇلئاددە قىيىنلىشىپ كەتتى.

كىشىلەر بىر ـ بىرىگە پەرقلىق كۆزلىرى بىلەن قاراشقا باشلىدى ۋە شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ئىسلام ئەسلا يول قويمايدىغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قوبۇل قىلىشى قەتئىي چەكلەنگەن پەرقلىق تەبىقىلەر مانا بۇ شارائىت ياراتقان ئىدىيىۋى مۇھىتتا ئوتتۇرىغا چىقىش ئالدىدا تۇراتتى.

مانا بۇ باسقۇچقا كەلگەندە، كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان ئەمما نىيىتى بۇزۇق بەزى گۇرۇھلار مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭ بىرى ئىبنۇس سەۋدا ئىسمى بىلەن تونۇلغان سانا يەھۇدىيلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى سەبە ئىدى.

يەھۇدىيلارنىڭ قايسى مۇددىئا ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئۆز مۇددىئاسىغا يېتىش ئۈچۈن ئىنسان ئەقلىگە كەلمەيدىغان ھەرقانداق قۇۋلۇق ـ شۇملۇقلاردىن پايدىلىنىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ھەقىقەتتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەھۇدىيلار ئىسلامغا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭمۇ بارلىق مۇسۇلمانلار بىلەن باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى ئىسلام نىزامىدا سىنىپىي پەرق يوق بولۇپ، پەقەت تۇنجى دەۋرلەردە ھەممىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ۋە بەدر غازىتىغا قاتناشقان چوڭ ساھابىلەرلا بەزى ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولاتتى ـ خالاس. شۇنداقلا، بىر كىشى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلام ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كەچۈرۈۋېتىدۇ. يامان نىيەتلىك يەھۇدىيلار مانا بۇ ئىمتىيازلاردىن پايدىلىنىپ ھەردائىم ئىسلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇناتتى.

بۇندىن بۇرۇن ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەزرىتى ئۆمەر چوڭ ساھابىلەرنىڭ ئۆزىگە مەسلىھەت بېرىشى ۋە ياردەم قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەدىنىنىڭ سىرتىغا چىقىشىنى چەكلىگەنىدى. ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئۆمەر بۇ كىشىلەرنىڭ مەركەزدىن يىراق مەملىكەتلەردە دۇنيا جەزىبىسىگە بېرىلىپ كېتىشىنى توسۇپ قېلىش ۋە يېڭى مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ بۇلارغا قاراپ: « قاراڭلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دوستلىرى مۇنداق قىلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئۇلارنى يۇرت سىرتىغا چىقارمايتتى ۋە: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قىلغان جىھاد ۋە ئىسلام ئۈچۈن قىلغان قىممەتلىك خىزمەتلىرىڭلارنىڭ ئەجرىمۇ سىلەر ئۈچۈن يېتىپ ئاشىدۇ» دەيتتى.

ئەپسۇسلىنارلىقى، ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مەدىنە سىرتىغا چىقىشىغا ۋە خالىغان يەرگە بېرىشىغا ئىجازەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ چوڭ ساھابىلەر مەدىنىدىن بىر ـ بىرلەپ چىقىپ، باشقا شەھەرلەرگە كېتىشتى ۋە مال ـ مۈلككە ئېرىشىپ، ئۆيلۈك ـ ئوچاقلىق بولۇشتى. مەسىلەن، زۇبەير ئىبنى ئەل ئاۋامنىڭ باسرا، كۇفە ۋە مىسىردا بىردىن ئۈچ ئۆيى بار ئىدى. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھمۇ كۇفەدە ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىۋالغانىدى. ئۇلار بۇ يەرلەردىكى قورا ـ جاي ۋە ئېكىنزارلىقلىرىنى توختىماي ئايلىنىپ چىقاتتى.

ئۇندىن باشقا، ئابدۇررەھمان ئبنى ئەۋف، زەييىد ئىبنى سابىت ۋە باشقىلارمۇ مەدىنىدە ئۆزلىرىگە قورا ـ جاي قىلىۋالدى. ئىسلام تېرىتورىيىسىگە يېڭى قېتىلغان شەھەرلەرنىڭ يەرلىك خەلقلىرى مانا مۇشۇ ئارقىلىق ساھابىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئىچقويۇن ـ تاشقويۇن بولالايتتى.

ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە جەمئىيەت مانا مۇشۇنداق ئاستا ـ ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ھالبۇكى، ھەزرىتى ئوسمان ئۆزى ھېچ ئۆزگەرمىگەن، ئىسلام نىزامىدىن ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتمىگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئىككى خەلىپىنىڭ ئەخلاق ۋە مىزانلىرىدىن پەقەتلا ئايرىلمىغانىدى.

ھەزرىتى ئوسمان ھەققىدىكى غەيۋەت ـ شىكايەت پەقەت ئۇنىڭ ئۆز يېقىنلىرىغا كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقى، شۇنداقلا قۇل ۋە ئەسىرلەرنىڭ مەدىنىگە تولۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولغانىدى.

چوڭ ساھابىلەرنىڭ مەدىنە سىرتىغا چىقىپ كېتىشى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىرىنى جاسارەتلەندۈرسە، خەلقنىڭ يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلۇشى تىلىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانىدى. خەلىپە ھەققىدىكى يالغان ـ ياۋىداق سۆزلەرنىڭ پەيدا بولۇشى جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئىنتىزامىنى بۇزۇشقا قويۇلغان ھەرىكەتنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىدى.

سانا يەھۇدىيلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەنىڭ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىشى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىكى تۇنجى پىتنە رەسمىي تۈردە يېيىلدى.

بۇ ئادەم يېڭىدىن فەتىھ قىلىنغان يەرلەرنىڭ ئىلىمسىز خەلقىنى ۋە يېڭى مۇسۇلمان بولغان بەدەۋىي ئەرەبلەرنى يولدىن چىقىرىش ۋە ئەقىللىرىنى بۇلغاش ئۈچۈن ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە مۇسۇلمان بولۇۋالغانىدى. ئۇ شەھەرمۇ شەھەر ئايلىنىپ (ئىسلامغا ۋە ھەزرىتى ئوسمانغا قارشى) تەشۋىق ـ تەرغىباتلارنى ئېلىپ باراتتى. ئۇ پائالىيىتىنى ھىجازدىن باشلاپ، ئۇيەردىن باسراغا، ئاندىن كۇفەگە ۋە ئاخىرىدا سۈرىيەگە ئۆتتى. ئەمما ئۇ شام خەلقىنى قوزغىتالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇلار تەرىپىدىن قوغلاندى. ئەڭ ئاخىرى مىسىرغا بېرىپ يەرلەشتى. بۇ ئادەم نەگە بارسا، دەرھال شۇ يەرنىڭ خەلقى ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەن بەزى شەخسلەر بىلەن مۇڭدىشاتتى، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاڭلىتاتتى ۋە ئىسلامغا بولغان كۆز ـ قارىشىنى ئېيتاتتى، ئۆزىنىڭ چۈشەنچىلىرىنى كىتابىي تىللار بىلەن پەردازلاپ، كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى شۇ سۆزلەر بىلەن بۇلغاشقا ئۇرۇناتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ دۇنياغا قايتا كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قايتا كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلارغا ھەيران قالىمەن. چۈنكى اﷲ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: (ساڭا قۇرئاننى (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكامىغا ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان زات سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە (يەنى مەككىگە) قايتۇرىدۇ.( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ دۇنياغا قايتىشقا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا تېخىمۇ ھەقلىق ۋە لايىق ئەمەسمۇ؟»

ئىنسانلار تېخى يېڭى مۇسۇلمان بولغاچقا، كونا ئېتىقاد ۋە ئۆرپ ـ ئادەتلىرىدىن تامامەن قۇتۇلۇپ بولالمىغان، شۇنداقلا پەلسەپەۋىي ئوي ـ پىكىرلەرنى چۈشەنگىدەك سەۋىيەدە ئەمەس ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى سەبە ئۇلارنىڭ زېھنىدە شۈبھە يارىتىپ، كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇشقا تىرىشاتتى. بولۇپمۇ، بۇلار بىلەن بىرگە ياشايدىغان بەدەۋىيلەر (ئىلىمسىز ۋە ئىپتىدائى چۆل ئەرەبلىرى) تېخىمۇ قوپال ۋە ساددا بولۇپ، ئۇلار بىر نەرسىگە ئىشەنگەندىن كېيىن (ئۇلارنى) بۇ يولدىن قايتۇرۇش، ھەقنى ۋە ھەقىقەتنى قوبۇل قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

بۇ ھىيلىگەر يەھۇدىي ھەزرىتى ئەلىنىڭ چوڭ ساھابىلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخس ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ خەلپىدىن قالسىلا، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇندىن بۇرۇنقى خەلىپىلەرنىڭ مۇھىم ئىشلاردا ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان يېقىنلىقىنى كۆزدە تۇتقان بۇ خائىن ۋە مەككار يەھۇدىي ئۇنى ئۆزىنىڭ كوزىرى قىلىپ تاللىۋالدى.

ئۇ ھەزرىتى ئەلىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت ئىچىدە پىتنىخورلۇقنىڭ ئوت پىلتىسىنى يېقىش ئۈچۈن ھەزرىتى ئەلى ھەققىدە ھەرخىل تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى ئۆزى قۇرغان بۇ پىلانلىق ھەرىكەتنىڭ بىلىنىپ قېلىشىنىڭ ۋە كىشىلەرنى شۈبھىلەندۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.

ئۇنىڭ ساھابىلەرنىڭ ئەڭ چوڭىنى ئۆزىنىڭ كوزىرى قىلىۋېلىشى، ھەر يەردە ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرۇشى، باشقىلارغا ئۇنىڭ تەرەپدارىدەك كۆرۈنۈشى … ئۇنىڭ يامان نىيەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى ساقلاپ، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى خاتىرجەم داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرەتتى ۋە بۇ ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ بۇزۇق ئەقىدىلىرىنى خەلققە ئاسانلا قوبۇل قىلدۇرالايتتى. شۇڭا ئۇ ھەزرىتى ئەلىنى ياقلايدىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىدا: «ھەزرىتى ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىردىشى ئىدى. چۈنكى ھەر پەيغەمبەرنىڭ بىر سىردىشى بولىدۇ» دەيتتى.

يەنە بۇ ئادەم كېيىنچە ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن كىشىلەرگە تىل ئۇزاتتى. ئۇنىڭ سەۋىيە جەھەتتىن باشقا ساھابىلەردىن كېيىن تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن كىشىلىرىنىڭ ئالدىنقى خەلىپىگە تۇغقان بولۇش ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ئىشغال قىلىنغان ئورۇنلارغا كېلەلىگەنلىكىنى، ئالدىنقى خەلىپە ياشىنىپ قالغاچقا، ئۇنى قوللىرىدىكى قورچاققا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل سۆز ـ چۆچەكلەرنى تارقاتقانىدى.

شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەقىقەت يولىدا ئەڭ ئۈستۈن بىرى بار بولسىمۇ، ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدىغان باشقا بىرىنى خەلىپىلىككە تەيىنلەش جائىزدۇر. ئەمما كۈچلۈك بىر مۇسۇلماننىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى (نەقەدەر پەزىلەتلىك بولۇپ كەتسە كەتسۇن، باشقۇرۇش قابىلىيىتى بولمىغان) مۇلايىم بىر مۇسۇلماننىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشىدىن تېخىمۇ خەيىرلىك ۋە تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى ۋالى ۋە قوماندانلارنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەر بولۇپ، بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئوسمانغا تىل تەككۈزۈش ناھايىتى ھەقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ.

ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى تۇنجى پىتنە كۇفە ۋالىسى سەئد ئىبنى ئەل ئاس ھەققىدىكى سۆز ـ چۆچەكلەردىن باشلاندى، كۆپ ئۆتمەي بۇ سۆز ـ چۆچەكلەر خەلىپىنىڭ قۇلىقىغىمۇ يېتىپ كەلدى. بۇ سۆز ـ چۆچەكلەرنى ئىسلامغا يېڭى كىرگەن، ئەمما ئىسلامنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تونۇپ يېتەلمىگەن، ئەخلاق - پەزىلەتلىرىگە نائىل بولالمىغان، قارا قورساق كىشىلەر تېپىپ چىقاتتى. مالىك ئىبنى ھارىس ئەل ئەشتەر ئەنناھىلى، سابىت ئىبنى قەيس ئەننەھى، كامىل ئىبنى زىياد ئەننەھى، زىياد ئىبنى سەيخان ئەل ئابدى، جۇندۇب ئىبنى زۇھەير ئەل غەمىرى، جۇندۇب ئىبنى قەئاب ئەل ئەزدى، ئۇرۋە ئىبنى ئەل جائاد ۋە ئامىر ئىبنى ئەل ئەخمەق ئەل خۇزەي قاتارلىقلار شۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھەممىسى چۆل ۋە قەبىلە ئەرەبلىرى ئىدى.

بۇ ۋەقەلەر ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەيدانغا كېلىشكە باشلىغانىدى. ئۇ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىپ تېخى ئون يىل ئۆتمىگەن، يەنى ھىجرىيە 34 ـ يىلى ئىدى. بۇ ئازغۇن ئادەملەر ئاۋۋال كۇفەدىن شامغا سۈرۈلدى، ئەمما كۆپ ئۆتمەي يەنە كۇفەگە قايتۇرۇلدى. ئۇلار: «ھەر ئىككىلىسى بىزگە يۇرت بولمىغۇدەك» دېىيىشتى. چۈنكى ئۇلار بۇ يەرلەردە كۆڭۈلدىكىدەك پائالىيەت ئېلىپ بارالمىغانىدى.

شۇڭا ئۇلار ئىجازەت ئالمايلا جەزىرەگە قاراپ يول ئالدى. ئەمما جەزىرە ۋالىسى ئابدۇررەھمان (خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئوغلى) ئۇلارغا قوپالراق مۇئامىلە قىلدى.

ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەشتەر مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. خەلىپە ئۇنىڭغا قەيەرنى خالىسا، شۇ يەرنى ماكان تۇتسابولىدىغانلىقىغا دائىر بىر ۋاراق ھۆججەت يېزىپ بەردى. ئۇ جەزىرەنى، يەنى ئابدۇررەھمان ئىبنى خالىد ئىبنى ئەل ۋەلىدنىڭ ۋىلايىتىنى تاللىدى.

بۇ ۋاقىتلاردا ئىبنۇس سەۋدا (ئابدۇللاھ ئىبنى سەبە) باشقا شەھەرلەردە ئۆزىگە مايىل قىلىۋالغان كىشىلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، پىتنە ـ پاسات ئۇرۇقىنى ھەر يەرگە چېچىۋاتاتتى. ھىجرىيەنىڭ 34 ـ يىلى، ھەج مەۋسۈمىدە ھەزرىتى ئوسمان جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇسۇفيان، ئەمر ئىبنى ئاس، ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئىبنى ئەبۇ سەرھ، سەئىد ئىبنى ئەل ئاس ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر قاتارلىق ۋالىلارنى ئۆز يېنىغا چاقىردى.

ئۇلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئازغۇنلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىشنى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى؛ يەنە بەزىلىرى ئۇلار بۇ يوللىرىدىن قايتقىچە مۇسۇلمانلارغا تارقىتىلىدىغان غەنىمەت ماللاردىن ئۇلارنى مەھرۇم قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما خەلىپە بۇ پىكىرلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى قوبۇل قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، ۋالىلار ئۆز ۋىلايەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىن، كۇفە ۋالىسى سەئىد ئىبنى ئەل ئاسنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سەئىدنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرىنى ۋالى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇندىن باشقا، كۇفە خەلقىگە بىر مەكتۇب ئەۋەتىپ مۇنداق دېگەنىدى: «تەلىپىڭلار بويىچە سەئىدنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئەبۇمۇسانى سىلەرگە ۋالى قىلىپ تەيىنلىدىم. اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرنىڭ خەلىپەڭلار بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەرقانداق تەنقىد ۋە شىكايەتلىرىڭلارغا شەرەپ ۋە نۇمۇسۇم بىلەن قۇلاق سالىمەن، شۇنداقلا سىلەرگە قولۇمدىن كېلىشىچە مۇلايىم ۋە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن. (ئەتە ـ ئۆگۈن اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز ـ شىكايەت قىلىشقا ھېچقانداق دەلىل قويماسلىق ئۈچۈن) اﷲ قا ئاسىيلىق قىلماسلىق شەرتى بىلەن نېمە تەلەپ قىلساڭلار، شۇنى قىلىپ بېرىشكە تىرىشىمەن.»

دەل شۇ كۈنلەردە، خۇزەيفە ئىبنۇل يامان بىر قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، بابۇل ئەبۋاب دېگەن يەرگە يۈرۈش قىلغانىدى.

خەلىپىنىڭ شۇنچە تىرىشچانلىقى ۋە ئالغان تەدبىرلىرى بۇ بەتنىيەتلەرنى يامان يولدىن توسۇپ قالالمىدى. ئەكسىچە، ئۇلار تەشۋىقات ۋە پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ داۋاملاشتۇرۇۋەردى. شۇنىڭ بىلەن خەلىپە خەلقنىڭ بۇ ئازغۇنلارنىڭ كەينىگە كىرگەن - كىرمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان - ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بەزى ساھابىلەرنى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتتى.

بۇ ساھابىلەردىن مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە كۇفەگە، ئۇسامە ئىبنى زەيد باسراغا، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ شامغا، ئەممار ئىبنى ياسىر مىسىرغا ئەۋەتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ساھابىلەرمۇ باشقا ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتىلگەنىدى. ئەممار ئىبنى ياسىردىن باشقىسى ياخشى خەۋەرلەر بىلەن قايتىپ كېلىشتى. پەقەت ئەممار مەلۇم ۋاقىت كېچىكىپ كەلدى ۋە خەلق ئارىسىدا بەزى سۆز ـ چۆچەكلەرنىڭ تارقالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ھىجرىيەنىڭ 35 ـ يىلى، رەجەپ ئېيىدا مىسىردىن ھىجازغا بىر ھەيئەت كەلدى.

ئۇلار ئېغىزىدا ئۆمرە ھەج قىلغىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتقان بىلەن كۆڭلىدە خەلىپە بىلەن تالاش ـ تارتىش قىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، مەدىنە ئىچىدە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشنى پىلانلاپ كېلىشكەنىدى.

دەرۋەقە، ئۇلار خەلىپە بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئەرز ـ شىكايەتلىرىنى بايان قىلىشتى. ھەزرىتى ئوسمان ئۇلارغا بولغان پىكىرلىرىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى شەخسەن ئۆزى ياكى ھەزرىتى ئەلى ۋە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە قاتارلىق ساھابىلەر ئارقىلىق قايىل قىلدى. مەدىنىنىڭ سىرتىدا كۈتۈۋېلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلىدى. ھەزرىتى ئوسمان خۇتبىسىدە بۇ كىشىلەرنى ماختاپ، ئۇلارغا اﷲ تىن مەغپىرەت تىلىگەنىدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تىلغا ئېلىپ يىغلىغاندىن سىرت، جامائەتنىمۇ يىغلاتقانىدى. بۇنى كۆرگەن مىسىرلىق ھەيئەت ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.

ئەمما ئۇلار مىسىرغا بارار ـ بارمايلا باشقا ۋىلايەتنىڭ يەرلىك خەلقلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقە قۇرۇپ، ئۇلارنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە ۋە ۋالىلار ئۈستىدىن شىكات قىلىشنى باھانە قىلىپ، مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقىشقا كۈشكۈرتتى. مەدىنە مەركەز بولغاچقا، بۇ يەردە ئىسيان كۆتۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، بۇ يەردىن تارقالغان پىتنە باشقا يەرلەردە تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغىيالاتتى.

تەشكىللىك ھەرىكەتكە ئۆتكەن بۇ ئازغۇنلارنىڭ سانى 600 دىن 1000 غىچە بولۇپ، بۇ ئازغۇنلار كۈشكۈرتكەن كۇفە ۋە باسرالىق ئازغۇنلارمۇ بىرلا ۋاقىتتا يولغا چىقتى، ھەممىسى ھىجازدا بىر يەرگە كەلمەكچى ئىدى. ھەر بىر يۇرتتىن يولغا چىققان ئازغۇنلار تۆتتىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ بېشىدا بىردىن مەسئۇل كىشى بار ئىدى ۋە ھەممە گۇرۇپپىغا بىر رەئىس مەسئۇل بولۇپ، بارلىق ئىشلارنى ئۇ ئورۇنلاشتۇراتتى.

ئوچۇق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇلار ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەشكىللەنگەنىدى. مىسىرلىق ئازغۇنلارنىڭ بېشىدا ئەل غەفىقى ئىبنى ھارب ئەل قەئقى بار بولۇپ، يەھۇدىي ئابدۇللاھ ئىبنى سەبە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ تەرەپدارلىرى ۋە ھىمايىچىلىرى كۆرسىتىپ، خەلىپىلىك ئورنىغا ئۇنىڭ چىقىشىنى تەلەپ قىلىشاتتى. كۇفەلىك ئازغۇنلارنىڭ بېشىدا ئەمر ئىبنى ئاسام، ئۇنىڭ يېنىدا زەيد ئىبنى سەھۋان ئەل ئابدى؛ باسرالىق ئازغۇنلارنىڭ بېشىدا ھەركۇس ئىبنى زۇھەير ئەل سەئدى، ئۇنىڭ يېنىدا ھەكىم ئىبنى جەبە ئەل ئابدى بار ئىدى.

بۇ ئازغۇنلار ناھايىتى چوڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ ئارىسىغا قېتىلىۋالغاچقا، ئۆمەك مەسئۇللىرى يول بويى بۇلارنىڭ يامان نىيەتلىرىدىن خەۋەرسىز ئىدى، شۇنداقلا، بۇ ئازغۇنلارنىڭ ئىسلامنىڭ مەركىزىگە بېرىپ، خەلىپىگە سۇيىقەست قىلىپ قېلىشىنى ئەقلىگە كەلتۈرۈپمۇ باقمىغاچقا، ئارىلىرىدا بۇنداق ئۆكتىچىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھاجىلار بىلەن بىللە يولغا چىقىشى ياكى مەدىنىگە كىرىشىنى توسۇش كېرەك دەپ ئويلاشمىغانىدى.

ئۈچ ئايرىم نۇقتىدىن يولغا چىققان بۇ ئازغۇنلار مەدىنىگە يېقىنلاپ كېلىشتى. پىلان بويىچە مىسىرلىقلار زىل مەرۋەگە، كۇفەلىكلەر ئەل ئەئۋاسقا، باسرالىقلار زىل ھاشابقا چۈشتى. بۇ ۋاققىچە مەدىنە خەلقى يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋەر تاپقانىدى. ئۇلار بۇ ئادەملەرنىڭ شەھەرگە كىرىشىنى خالىمايتتى. ھەتتا بۇ ھەقتە ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى. ھەزرىتى ئوسمان ھەزرىتى ئەلىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بۇ ئازغۇنلارنىڭ مەدىنىگە كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئاتلىنىشىنى ئېيتتى. ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭ چاقىرىقىغا دەرھال ئاۋاز قوشتى.

ئۇنىڭدىن باشقا تەلھە، زۇبەير، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ۋە باشقا مۆتىۋەر ساھابىلەرمۇ ھەزرىتى ئوسمانغا ھەمراھ بولدى. ئازغۇنلار ساھابىلەرنىڭ ھىجرەت يۇرتىنى (مەدىنە مۇنەۋۋەرنى دېمەكچى ـ ت) ئۆزلىرىدىن قەتئىي قوغداش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قورقۇشتى.

بولۇپمۇ، ھەزرىتى ئەلى ئۇلارغا خىتاب قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەت ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىدىغان ۋە شەرىئەت ھۆكمىگە شەرتسىز بويۇن ئېگىدىغان قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ئۇلار دەرھال ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىدىغانلىقىنى ۋە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشتى ۋە كەينىگە قايتىشتى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەلى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار مەدىنە ئۈچۈن ئەنسىرىگۈدەك بىرەر ئىشنىڭ قالمىغانلىقىنى، خەتەرلىك پەيتلەرنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ، مەدىنىگە قايتتى. ئەمما ئۇلار مەدىنىگە كىرەر ـ كىرمەي كۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. چۈنكى كوچىلاردا تەكبىر ئاۋازلىرى جاراڭلايتتى، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆيى قورشېۋىلىنغانىدى.

ھەزرىتى ئەلى ئۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ، نېمە ئۈچۈن قايتىپ كەلگەنلىكىنى سورىدى. ئۇلار خەلىپىنىڭ مىسىر ۋالىسىغا مەكتۇب ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قايتىپ بارغاندا بىر ـ بىرلەپ ئۆلتۈرۈش ئەمرى بەرگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ مىسىرغا قايتىشنى خالىمىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئاندىن يانلىرىدىن خەلىپىنىڭ مىسىر ۋالىسىغا ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ئوغلى مۇھەممەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىلىق ئەۋەتكەن بىر پارچە مەكتۇپنى چىقىرىپ، ئۇنى ھەزرىتى ئەلىگە بۇ ئىشنىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسىتىشتى. ھەزرىتى ئەلى:

ــ ئۇنداقتا، بۇ كۇفەلىكلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇلار نېمىشقا يۇرتلىرىغا قايتمىدى؟- دەپ ناھايىتى نارازى كەيپىياتتا سورىدى. كۇفەلىكلەر:

ــ بىز (مىسىرلىق) دوستلىرىمىزغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ۋەدە بەردۇق، شۇڭا… دەپ پەرۋاسىزلارچە جاۋاب بېرىشتى. باسرالىقلارمۇ ھەم شۇنداق دېيىشتى. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ ئۇلارنىڭ مەدىنىگە كىرىش ئۈچۈن ئالدىن پىلانلىغان ھىيلىسى ئىدى. شۇنداقلا، مىسىرلىق ئۆكتىچىلەر يانلىرىدىن چىقىرىپ ھەزرىتى ئەلىگە كۆرسەتكەن مەكتۇبمۇ بۇنىڭ بىر دەلىلى ئىدى.

ئۆكتىچىلەر دەسلىپىدە ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆيىنى بەكمۇ چىڭ قورشاۋغا ئالمىدى، شۇڭا ھەزرىتى ئوسمان سىرتقا چىقاتتى، جامائەتكە ئىمام بولاتتى، ساھابىلەر ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ چىقاتتى، ئۇمۇ ساھابىلەرنى يوقلاپ تۇراتتى. كېيىنچە ئىش چىڭىغا چىققىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئوسمان ھەرقايسى ۋالىلارغا خەۋەر يوللاپ، ئۆزىگە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىشىنى ۋە بۇ ئاسىيلارنى مەدىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئەمما ئاسىيلار ھەبىب ئىبنى مەسلەمەنىڭ شامدىن، مۇئاۋىيە ئىبنى خۇدەيجنىڭ مىسىردىن، قەئقە ئىبنى ئامىرنىڭ كۇفەدىن ۋە مۇشەجى ئەس سۇلەمىنىڭ باسرادىن (خەلىپىنىڭ ئەمرى بىلەن) مەدىنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن باشلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قورشاۋنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

بىر جۈمە كۈنى، ھەزرىتى ئوسمان يەنە جۈمە نامىزىدا جامائەتكە ئىمام بولۇش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقتى. جۈمە خۇتبىسىدا ئاسىيلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بىر ۋاقىتتا، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئورنىدىن تۇرۇپ مەلۇم بىر مەسىلە ھەققىدە خەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولۇۋىدى، ئۆكتىچىلەرنىڭ كاتتىباشلىرىدىن ھەكىم ئىبنى جەبەلە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىشقا ئۇرۇندى. زەيد ئىبنى سابىت ئۇنى توسماقچى بولۇۋىدى، ئۆكتىچىلەرنىڭ يەنە بىر كاتتىبېشى مۇھەممەد ئىبنى قۇتەيرە ئۇنىڭغا قارشى چىقتى.

شۇنىڭ بىلەن، خەلق ئارىسىدا غەليان چىقتى ۋە ھەممىسى بىر ـ بىرىگە تاش ئېتىشقا باشلىدى. ئېتىلغان تاشلاردىن بىرى ھەزرىتى ئوسمانغا تېگىپ كېتىپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. مۇسۇلمانلار ئۇنى دەرھال ئۆيىگە يۆتكەپ چىقتى. ساھابىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى بۇ يامان ئاقىۋەتكە سەۋەب بولغان ئاسىيلارغا بەكمۇ شىددەتلىك نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەن، سەئد ئىبنى ئەبۇۋەققاس، ئەبۇھۈرەيرە، زەيد ئىبنى سابىت ۋە باشقا بىر قانچە ساھابە بىرلىشىپ ئاسىيلارغا قارشى قورال ئىشلەتمەكچى بولدى. ئەمما خەلىپە ئۇلارغا رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزى سەۋەبلىك بىرەر ئىشنىڭ چىقىپ قېلىشىنى خالىمايتتى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەزرىتى ئوسمان ھەزرىتى ئەلى، تەلھە ۋە زۇبەير بىلەن بىر ـ بىرلەپ كۆرۈشۈپ ئۆيىگە قايتقاندا، ئۆيىنىڭ ئەتراپىنىڭ پۈتۈنلەي قورشالغانىدى. شۇ بىر كىرىپ كەتكەنچە، تاكى شېھىت بولغانغا قەدەر ئۆيىدىن سىرتقا چىقالمىدى.

ھەزرىتى ئوسمان ئۆيىگە قامىلىپ قالغان بۇ كۈنلەردە، ئاسىيلار مىسىرلىق ئەل غەفىقى ئىبنى ھارب ئەل قەئقىنى جامائەتكە ئىمام قىلىپ تەيىنلىدى. ئەمما ھەزرىتى ئەلى ياكى تەلھە مەسجىدتە بولۇپ قالسا، ئۇ ئىككىسىدىن بىرى ئىمام بولاتتى.

ئازغۇنلار ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆيىگە سۇ توشۇشنىمۇ چەكلىدى. قىيىن ئەھۋالدا قالغان ھەزرىتى ئوسمان ھەزرىتى ئەلى، تەلھە، زۇبەير، ھەزرىتى ئائىشە ۋە مۇئمىنلەرنىڭ باشقا ئانىلىرىغا خەۋەر يوللاپ، ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەلى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھسىسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ ھەبىبە راملە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى. ئۇلار ئاسىيلارغا تىل ـ ئاھانەت قىلىپ باققان بولسىمۇ، بۇ ئاسىيلارغا ئارتۇق گەپ قىلىپ يۈرۈشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى قالمىغانىدى.

بەزىدە ھەزرىتى ئوسمان ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۇلارغا نەسىھەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ باقاتتى، ئەمما ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھېچكىم پىسەنت قىلمىدى. ئۇلار شۇنداق ۋەھشىيلىشىپ كەتكەنىدىكى، بىر قېتىم ئۇممۇ ھەبىبە ھەزرىتى ئوسمانغا سۇ ئېلىپ كەلگەنىدى، ئاسىيلار ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ قېچىرىنى ئۈركۈتىۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى يەرگە يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. بۇ ھۆرمەتسىزلىك مەدىنە خەلقىنى چۆچۈتۈپ قويدى، ھېچكىم سىرتقا قورالسىز چىقمايدىغان بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت شەھىرى بولغان مەدىنىدە «ئامانلىق» لىقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھەزرىتى ئوسماننىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرىگەن ساھابىلەر بالىلىرىنى ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ئۆيىگە ئەۋەتتى. بۇلار: ھەزرىتى ئابباسنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ، زۇبەيرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى ھەسەن ۋە ھۈسەن، تەلھەنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ۋە باشقا بىرنەچچە ياش يىگىت ئىدى. ھەزرىتى ئوسمان بۇلاردىن ئاسىيلارغا قارشى ھەرگىز قورال ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى ۋە ئەكسىچە ھەرىكەت قىلماقچى بولغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ۋاقىتلاردا، ھەزرىتى ئائىشە ھەجگە بېرىشقا نىيەت قىلغانىدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئوسمان ھەزرىتى ئابباسنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھنى ئۇ يىل ھەجگە بارماقچى بولغانلارغا مەسئۇل قىلدى. ئابدۇللاھ باشقا ياش دوستلىرى بىلەن بىللە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن مەدىنىدە قېلىشنى خالىسىمۇ، ھەزرىتى ئوسمان ئۆز ئەمرىدە چىڭ تۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەجبۇرىيي يولغا چىقتى.

كۆپ ئۆتمەي ئۆكتىچىلەرنى تازىلاش ئۈچۈن ياردەمگە كېلىۋاتقان قوشۇننىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقى، شامدىن كېلىۋاتقان قوشۇننىڭ ۋادىل قۇراغا يېتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى.

بۇنى ئاڭلىغان ئاسىيلار ئالاقزادە بولۇشقا باشلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ مۇددىئاسىغا يېتىش ئۈچۈن، ئۆينىڭ ئىچىگە كىرمەكچى بولۇشتى. ئەمما ئىشىكنى قوغداپ تۇرغان (ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەن، زۇبەيرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ، تەلھەنىڭ ئوغلى مۇھەممەد، ھاكەمنىڭ ئوغلى مەرۋان، ئاس ئوغلى سەئىد ۋە باشقا) ياش ساھابىلەر ئۇلارنى توسۇۋالدى. ئەمما ئازغۇنلار تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆيى بىلەن ئۆمەر ئىبنى ھازىمنىڭ ئۆيى ئارىلىقىدىكى بوشلۇق ئارقىلىق ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىشىككە ئوت قويۇۋەتتى.

ۋەزىيەت بۇ ئەھۋالغا يەتكەن بولسىمۇ، ھەزرىتى ئوسمان ياش ساھابىلەرنىڭ قولىنى قان قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى ۋە ئاسىيلارغا قارشى قورال ئىشلەتمەسلىكىنى قايتا ـ قايتا جېكىلىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرى پەقەت خەلىپىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقماسلىق ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماسلىق ئۈچۈنلا قولىدىكى قىلىچنى يەرگە تاشلىۋەتتى. ئەمما ۋەھشىيلىشىپ كەتكەن بۇ ئاسىيلار بۇ ياش ساھابىلەرنىڭ كۆزى ئالدىدا خەلىپىنىڭ ئۈستىگە يوپۇرۇلۇپ كەلدى. بەدبەخ ئەل غەفىقى ئىبنى ھارب ئەل قەئقى ھەزرىتى ئوسماننىڭ بېشىغا بىر پارچە تۆمۈر بىلەن ئۇرۇپ، ئۇنى شېھىت قىلدى. ھەزرىتى ئوسماننى قوغداش ئۈچۈن ئارىغا كىرگەن (ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئايالى) نائىلەگە ئېتىلىپ كەلگەن قۇتەيرە ئىبنى ھەمران ئىسىملىك ئاسىي بىر ئۇرۇپلا ئۇنىڭ بارماقلىرىنى كېىسپ تاشلىدى. بۇ ئاسىينىڭ قېرىندىشى سۇدان ئىبنى ھەمران ۋە قىنانە ئىبنى بەشىر ئىبنى ئۇتابمۇ خەلىپىنىڭ قاتىللىرى ئارىسىدا ئىدى. يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە، ھەزرىتى ئوسماننى ئامر ئىبنى ئەل ئەخمەق ئىسىملىك بىر ئاسىي شېھىت قىلغانىدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بىرى سۇدان ئىبنى ھەمراننى ئۆلتۈرىۋەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئاكىسى قۇتەيرە ئىبنى ھەمران خىزمەتچىنى شېھىت قىلدى. ھەزرىتى ئوسماننىڭ يەنە بىر خىزمەتچىسى قۇتەيرە ئىبنى ھەمراننى ئۆلتۈرىۋەتتى. ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشتى. ئاسىيلار ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆيىنى ۋە دۆلەت خەزىنىسىنى بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلدى. بۇ مۇسىبەت اﷲ ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان تەقدىر ئىدى ـ ئەلۋەتتە! تۆت خەلىپىنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەفۋان ھىجرىيە 35 ـ يىلى، زۇلھەججە ئېيىنىڭ 18 ـ كۈنى شېھىت قىلىندى. ئۇ 12 كۈن كەم 12 يىل خەلىپىلىك قىلدى، شېھىت بولغان ۋاقىتتا، 82 يېشىدا ئىدى.

ھاجىلار مەدىنىگە قايتىپ، خەلىپىنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىنى ۋە شەھەر ئامانلىقنىڭ تېخى تولۇپ ئورنىتىلىپ بولۇنمىغانلىقىنى كۆردى.

مەشھۇر ئۇرۇمە قۇدۇقىنى ئۆز پۇلىغا سېتىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە سۇنغان، قۇرئانى كەرىمنىڭ بۈگۈنكى شەكىلدە قىلىپ رەتلىگەن ۋە جامائەت كۆپىيىپ كېتىپ، مەسجىدكە پاتمىغانلىقتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن مەسجىدنى كېڭەيتىپ ياسىغان كىشى ھەزرىتى ئوسمان ئىدى. ئۇنىڭ ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپ پەزىلەتلىك ئىشلىرى باردۇر. اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.