Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

2. مۇقەددىمە ئەيپىتىمدادى: شەرقىي تۈركىستان ئۆتمۈشى

This content is not yet available in your language.

ئۇلۇغ ”ھەدىس“ كىتابىدا يەنە ”ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆز دەۋرىنىڭ پادىشالىرىنى بىلمىسە ياكى تونۇمىسا، ئۇنداق ئادەم جاھىللىق بىلەن ئۆلۈمگە گىرىپتار بولىدۇ.“ دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇڭلاشقا، بارلىق پۇقرالار، ھەر خىل ئىنسانلار ۋە گۇرۇھلار ئۆز دەۋرىنىڭ پادىشالىرىنى ياخشى تونۇپ بىلىشى شەرت. بۇنداق قىلىش ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاخىرەت ئازابىدىن قۇتۇلۇشىغىمۇ ياردەم بېرىدۇ. مەنمۇ خۇددى شۇنداق چىن ئەقىدە ۋە مەقسەت بىلەن بۇ ئەسەرگە «تارىخ ھەمىدى» دەپ ئات قويدۇم.

توغرا يولنى تۇتقان مۇناسىۋەتلىك دوست ـ بۇرادەرلىرىم بۇ مەجمۇئەگە نەزەر تاشلىغاندا، مەندەك بىر خار ۋە بىئېتىۋارنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىجابەتلىك ۋە تەسىرلىك دۇئالىرىدىن چەتتە قويماس دېگەن ئۈمىت بىلەن، ئۇلاردىن دۇئا ۋە فاتىھە تەلەپ قىلىپ، بۇ ئەسەرگە قەدەم باشلاپ، قەلەم سۈردۈم. ئاللا بۇ ئىشىمغا رەھمەت ۋە شەپقەت قىلىپ، مېنى توغرا يولغا باشلاپ، ياردەم بېرىشىنى ۋە بۇ ئىشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

مۇقەددىمە ئەيپىتىمدادى

بۆلۈم: “مۇقەددىمە ئەيپىتىمدادى”

1

موغۇلىستان يۇرتى ياكى يەتتە شەھەر (27)نىڭ نۇھ بىننى ئادەم سانى (28) دەۋرىدىن بىزنىڭ زامانىمىزغىچە بولغان ئەھۋاللىرى ھەم ۋەقەلىرى قىسسىسى، بۇ زېمىنغا قايسى تايىپىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىغى، ”موغۇلىيە“ (29) دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەپلىرى، مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ نەسەپلىرى، خاقانى چىننىڭ (30) بۇ يەتتە شەھەرنى ئۆزىگە قاراتقانلىغىنىڭ سەۋەپلىرى ۋە قىسقىچە جەريانلىرى ـ بايانى

ھۆرمەت ۋە ھەشمەت ئىگىلىرىدىن بولغان يېقىن دوست ـ بۇرادەلەرنىڭ ناھايىتى سەزگۈر قۇلاقلىرىغا يېتىپ رۇشەن ۋە ئاشكارا بولغايكى، قەدىمقى زامانلاردا ۋە تارىخ كىتابلىرىدا، بۇ يەتتە شەھەر ”موغۇلىستان“ دەپ ئاتالغان. كونا ئىشەنچلىك ھۆججەتلەردىمۇ، بۇ جاينىڭ ”موغۇلىيە“ تەۋەلىگىدە بولغانلىغى قەيت قىلىنغان. ئەمدى ”موغۇلىيە“ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ يەتتە شەھەر دەسلەپ قايسى دەۋرىدىن باشلاپ ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت شېرىپىگە ئىگە بولغان؟ ئۇنىڭ پادىشالىرى قايسى مەزھەپ ۋە مىللەتكە مەنسۇپ؟ خاقانى چىننىڭ بۇ جايغا قاچان ئىگىدارچىلىق قىلغانلىغىغا قانچە يىل بولدى؟

يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى تەپسىلىي يېشىپ بېرىش ۋە تەتقىق قىلىشتا بۇ قىسقىچە تارىخچىدا، ئالدى بىلەن بۇرۇن ئۆتكەن تارىخچىلارنىڭ ئەۋلاتلارغا تەقدىم قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلۇغ كىتابلىرىدىكى ئىبارىلەرنى نەمۇنە ئورنىدا بايان قىلماي تۇرۇپ، ئەسلى مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر سۆزلىگۈچى سۆزنىڭ ئەۋۋىلىنى باشلىماي تۇرۇپ ئاخىرىغا كۆچۈپ كەتسە، ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى بېشى يوق گەپ دەپ نەزەر ـ ئېتىبارغا ئالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ”رەۋزەتۇسسافا“ (31) (ساپالىق باغ ـ ت)، ”مۇنتەخەبۇتتاۋارىخ (32)“ (تارىخلارنىڭ تاللانمىسى ـ ت)، «تارىخى رەشىدى» ۋە باشقا تارىخ كىتابلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن تاللانغان بىر قانچە مەلۇمات بۇ ئەسەردە ئالدى بىلەن قىسقىچە بايان قىلىندى.

ئەلقىسسە، ئۆتكۈر كۆزلەر ئەھلى ۋە دانالارغا مەخپى قالمىغايكى، بۇ تارىخنى يېزىشتىكى ئەسلى مەقسەت بولسا، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئەھۋالى، پادىشا ۋە ئەمىر ـ ئۆمەرالىرى، دۆلەتكە ھۆكۈمران بولۇپ سەلەتەنەت تاپقانلار ۋە ئۇلارنىڭ شۆھرەت ياكى قان ـ قېرىنداشلىق جەھەتتىكى نامى نەسەپلىرى، ئەسلى ۋەتىنىلىرى، ئورۇن مەنزىللىرى، يۇرتى، ئۇلارنىڭ قائىدە ـ يوسۇنلىرى، نىشان ـ ئالامەتلىرى، سۆز ـ ماقاللىرى قاتارلىقلارنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ۋەقەلەرنى بايان قىلىش ئۈچۈن، يەنە ئالدى بىلەن نۇھ بىننى ئادەم سانى (ئىككىنچى ـ ت)نىڭ زىكرىنى ئارزۇ ـ تىلەك ۋە تەبىرىك بىلەن باشلىماي تۇرۇپ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۆجىزىلىك ۋەقەلىرى، قەۋم گۇرۇھلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن سۆز ئاچماي تۇرۇپ، مەقسەتنى مۇددىئاغا يەتكىلى بولمايدۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئەللىك يىلى كەم بىر مىڭ يىل (950 يىل ـ ت) پەيغەمبەرلىكتە ئولتۇرۇپ، ئۆز قەۋملىرىنى دىنغا دەۋەت قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ قەۋملىرى يامان بولۇپ، بۇنىڭ دەۋەتلىرىنى قوبۇل قىلمىدى ۋە توغرا يولغا كىرمىدى. «كىتابى مەۋاكىبۇلئەئلام» (ئالەم ئىگىسىنىڭ كىتابى يەنى قۇرئان ـ ت)دە ۋە ئەرەپ، ئەجەم خەلقىنىڭ ئارىسىدا، خۇدا ئۆز قەھرى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ دوزاققا تاشلىغانلىغى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار ۋە مەشھۇر رىۋايەتلەر ساقلانغان. شۇڭلاشقا، ئۇلار ھەققىدىكى قىسسىلەرگە ۋە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سام، ھام ناملىق ئىككى ئۇلۇغ ئوغلى ۋە ئەۋلادلىرى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە توختالمىدىم.

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ياپەس بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ شەرق ۋە شىمالى تەرەپتىن ۋەتەن تۇتقان ئەۋلاتلىرى چىن، تۈرك، موغۇل قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ نەسەپلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ جايلاردىكى باشقا قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولساممۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش ئۈچۈن ئۆمرۈم يەتمەسمىكىن دېگەن خىيال ـ ئەندىشە بىلەن، پەقەت ياپەسنىڭ بىر ئوغلى تۈرك ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى، نەۋرە ـ چەۋرىلىرى، قەۋمى ـ قېرىنداشلىرىنىلا قىسقىچە بايان قىلدىم. چۈنكى، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆمرى 80 ياشقا يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ قەدەملىرى قىسقىراپ، نۇقسانلىرى كۆپىيىدىكەن، شۇڭلاشقا، تۆۋەندە يازغانلىرىمنى تەنە ـ تەررۇز قىلماسلىغىڭزلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاب تازاپىدا (تۇپان سۈيى بالاسىدا ـ ت) پەرۋەردىگارنىڭ ئەمىرى بويىچە بىر كېمە ياساپ، كېمىگە ھەر تۈرلۈك مەخلۇقتىن بىر جۈپ سېلىپ، ئەڭ ئاخىرى كېمىنى جۇد تېغىنىڭ (33) ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. ئادەم ئەلەيھىسسالام نەسلىدىن سەكسەن كىشى سالامەت چىقتى. لېكىن دەريا سۈيىنىڭ داۋاملىق ئاپەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارمۇ ھالاك بولۇپ، ئاقىۋەت نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، ئۈچ ئايال جەمئىي يەتتە كىشىلا سالامەت قالدى، يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانىيەت گۇرۇھى ياكى ئادەم جىنسى، دەل شۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىدىن تارالغان ئەۋلاتلاردىن ئىبارەت. شۇ سەۋەپتىن، نۇھ ئەلەيھىسسالام ”ئادەم سانى“ (ئىككىنچى ئادەم ئەلەيھىسسالام ـ ت) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ چاغدا يەر يۈزىدە بۇلاردىن باشقا ھايات ۋە ئىنسان قالمىغان ئىكەن.

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئۇلۇغ ئىسمى شەرىپلىرى سام، ھام ۋە ياپەس ئىدى. بۇلار يەنە پەيغەمبەر مۇرسەل ئىدى دېگەن رىۋايەتلەر بار. سام نۇھنىڭ باشقا ئوغۇللىرىغا قارىغاندا ئەقىللىق، دانا ۋە ساپ پاراسەتلىك ئىدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئەنبىيالىق ۋە ئەلچىلىكنىڭ ئىچكى سىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. باشقا پەرزەنتلىرىنى بولسا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان ئىدى. ئاللانىڭ ئەڭ ئاۋات ۋە ياخشى جايلىرىنى، بولۇپمۇ رۇبئى مەسكۇن (يەر يۈزىنىڭ ئادەملەر ياشايدىغان ئاۋات قىسمى ـ ت)نىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، ھاۋاسى ياخشى يەرلىرىنى مەخسۇس بۇ پەرزەنتىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئەنبىيا، ئەۋلىيا، ھۆكىما (پەيلاسوپلار ـ ت)، سۇلتان ۋە ئەمىرالارنى (ئەمىرلەرنى ـ ت) سامنىڭ نەسلىدىن بولسۇن دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. سام بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۇنىڭدىن توققۇز پەرزەنت دۇنياغا كەلدى. بۇلارنىڭ ئىسمى ئەرپەھشەد، كىيومەرس، ئاسۇر، يەقىن، لاۋاج، لاد، ئەيلەم، لەدىم، يۇر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەرپەھشەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى، كىيومەرس بولسا پادىشالارنىڭ ئاتىسى ئىدى.

سام ھەر بىر پەرزەنتىنى ھەرقايسى تەرەپكە بۇيرۇدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئون توققۇز خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بولدى ۋە بابىل (34)، يەمەن (35)، ھەزەرمۇت (36)، ئومان (37)، ئىراقەيىن (38)، پارس (39) قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان بولدى. بەزىلىرى يەنە زېمىننىڭ شەرق ۋە جەنۇپ تەرەپلىرىگە بېرىپ، ھام بىلەن ياپەسنىڭ ئەۋلادىغا ئارىلىشىپ، نۇپۇسى ناھايىتى كۆپىيىپ، شەھەر ـ ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ئاۋات قىلدى.

ھام جەنۇپ تەرەپكە بېرىپ، دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان بولدى، خۇداۋەندە كېرىم ئۇنىڭغا توققۇز پەرزەنت بەردى. بۇلار ھىند، سىند، نۇبە، كەئنان، زەنج، كوش، قىبىت، بەربە (بەربەر ـ ت)، ھەبەش دەپ ئاتالدى. سۇدان يۇرتىنىڭ ئادەملىرى، زەنگىبار، ھەبەش، ھىندىستان خەلقى ھامنىڭ ئەۋلادى. بۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئون سەككىز خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان بولدى. ئۇلارمۇ نۇرغۇن شەھەر ۋە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدى.

بۇرۇن نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمىسىنى جۇد تېغىغا سۆرەپ چىقىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىگە زېمىن ئايرىپ رۇخسەت بەرگەن چاغدا، ياپەس دادىسىدىن ”ماڭا دۇئا ئۆگەتسىڭىز، مەن خالىغان چاغدا دۇئا قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرىدىغان بولسام“ دەپ ئىلتىماس قىلغان ئىدى، دادىسى بۇنى ئاللانىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلدى. ئاللا ئۇنىڭ تىلىگىنى قوبۇل قىلىپ، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىسمى ئەززەم دېگەن ئايىتىنى ئەۋەتتى. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنى تاشقا نەقىش قىلىپ ئويۇپ بەردى. بۇ تاشنى ئەرەپچە ”ھىجىرىلمەتەر“ (يامغۇر ياغدۇرىدىغان تاش ـ ت) دەيدۇ. تۈركلەر ”يادا تېشى“ ياكى ”جادا تېشى“ دەپ ئاتايدۇ.

ياپەس دۇنيانىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرىدىكى ئىدىل (ۋولگا ـ ت)، ئىرتىش دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشايتتى، ياخشى قائىدە ـ يوسۇنلارنى ئورناتتى ۋە دۇنيانىڭ شەرقىدىكى بېيىجىڭ مەملىكىتىدە بىر شەھەر بىنا قىلدى، خۇداۋەندە كېرىم ئۇنىڭغا ئون بىر پەرزەنت بەردى. ئۇلار چىن، ساقلاپ، گۇمادى، تۈرك، خەلەج، خەزەر، رۇس، سەدسان، غەريا، رۇج، مۇئىشەج دەپ ئاتالدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆز ئەۋلادىدىن قىز ئېلىپ بېرىپ، ”يۇرتۇڭلارنى ئاۋات ۋە باي قىلىڭلار، ھەق تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئوبدان تەربىيە بېرىڭلار، ئۇلار كۆپەيسۇن“ دەپ ۋەسىيەت قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى.

ياپەسنىڭ ئەۋلادىغا تۈرك دېگەن ئوغلى باشلىق بولدى، ئۇ ناھايىتى غەيرەتلىك، مەردانە، ھۈنەرۋەن، ئەقىللىق بالا ئىدى. ئۇ ئالەم ئەتراپىنى سەيلە قىلىپ يۈرۈپ بىر كىچىك دەريا ۋادىسىغا باردى. بۇ جاينى ”سىلۇك“ دەپ ئاتايتتى. بۇ ئېقىن سۇلىرى، بۇلاقلىرى كۆپ، چىرايلىق سايرايدىغان ھەر تۈرلۈك قۇشلار ياشايدىغان خۇش ھاۋالىق بىر جاي ئىدى. تۈرك بۇ جاينى كۆڭلىگە ياققتۇرۇپ، ئۆزىگە ماكان قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئوت ـ گىيا ۋە قومۇشلاردىن ئۆي ياساپ ئولتۇردى. ئاندىن كېيىن چېدىر ـ خېمىلەرنى پەيدا قىلدى، چارۋا تېرىسىدىن تون، تۇماق تەييارلاپ كىيىدى. تۈرك ناھايىتى ئادىل ۋە سېخى پادىشاھلىق بەخشەندە قىلىنغان بولۇپ، ئۆز تەۋەلىگىدىكى ئائىلىلەرنىڭ بەندىلىرىنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئۇلارنى قاتتىق تەربىيە ئاستىغا ئالدى، ھەم ناھايىتى ياخشى پەزىلەتلەرنى كۆردى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ بىرىگە ”فۇدەك“ دەپ ئىسىم قويدى. فۇدەك ئوۋ قىلىشقا ناھايىتى ئامراق ئىدى. ئۇ بىر كۈنى سەھرادا كىيىك گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ يەپ ئولتۇرغاندا، بىر پارچە كاۋاپ قولىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. فۇدەك بۇنى يەردىن ئېلىپ دەرھال ئاغزىغا سالدى ۋە كاۋاپنىڭ لەززەتلىك ئىكەنلىگىنى سەزدى ـ دە، شۇنىڭدىن باشلاپ تاماقنى تۇز بىلەن يەيدىغان ئادەتنى پەيدا قىلدى. ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنداق ئادەتنى بىلمەيتتى.

ياپەسنىڭ ئوغلى خەزەر شىمال تەرەپتىكى مەملىكەتلەردىن سۇ بويىلىرىغا كېلىپ، بۇ جايلارنى مۇناسىپ كۆرۈپ ئۆزىگە ماكان قىلدى. ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۈلكە، سۇغۇرلارنى ئوۋ قىلىپ، تېرىسىنى كىيىم قىلىپ كىيىدىغان بولدى. خەزەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىر پەرزەنتى دەرياغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. خەزەر سۇنىڭ زىددى (قارشىسى ـ ت) ئوت ئىكەن دەپ ھېسابلاپ نۇرغۇن ئوتۇن راسلاپ ئەھلى قەۋمىنى ھازىر قىلىپ، داپ، تەمبۇر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنى تەييارلاپ، نەغمە ـ ناۋا بىلەن، ئوغلىنىڭ جەسەدىنى دەريادىن سۈزۈپ چىقىرىپ ئوتتا كۆيدۈردى، بۇنداق شۇم ۋە يامان ئادەتلەر تا ھازىرغىچە بەزى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. بەزىلىرىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى يەنە تاغ غارلىرىدىن ھەسەل تېپىۋېلىپ، ھالۋا قىلىشنى پەيدا قىلغان ئىكەن.

گۈزەللەرنىڭ بىرىدە ياپەسنىڭ ئوغلى رۇس خەزەرنىڭ يۇرتىغا يېقىن كۆچۈپ كېلىپ، خەزەرگە ئەلچى كىرگۈزۈپ، ئۆزىگە يېقىنراق بىر جايدىن ئورۇن بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. خەزەر ناھايىتى خوشال بولۇپ، ئۇنىڭغا پاكىز ۋە ھاۋالىق بىر ماكاننى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇ جايدا ئورۇنلىشىپ قالدى.

ياپەسنىڭ يەنە بىر ئوغلى غەز بۇلغار دېگەن زېمىنغا كېلىپ ئورۇنلاشتى، ياخشى ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدى. لېكىن ئۇ ناھايىتى مەككار ـ ھېيلىگەر ئىدى ۋە ئۆز قېرىندىشى تۈرك بىلەن قاتتىق جەڭ ـ جىدەللەرنى قىلىپ تۇراتتى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىر كۈنى ياپەس بىننى نۇھ دەرياغا چۈشۈپ ئۆلگەندىن كېيىن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يادا تاش غەز بىننى ياپەسنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. شۇ چاغدا ياپەسنىڭ ھەرقايسى ئوغۇللىرى بۇ يادا تاشقا مەن ھەقلىق دەپ دەۋا قىلىشتى. غەز ھېيلىگەرلىك ئىشلىتىپ، خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر تاش تېپىپ، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاش قىلىپ، ئىسمى ئەزەمنى نەقىشلەپ تەييارلاپ قويدى. ئاندىن ئۇ ”چەك تاشلاپ باقساق، چەك قايسىمىزغا چىقسا يادا تاش شۇنىڭغا مەنسۇپ بولسۇن“ دېدى. ئۇلار بۇنىڭغا قارار قىلىشىپ چەك تاشلاشتى. چەك تۈرك بىننى ياپەسكە چىقتى. غەز ئىلاجىسىزلىقتىن ئۆزى تەييارلىغان يالغان يادا تاشنى تۈرككە بەردى. تۈرك بۇ تاشنى ئېلىپ ھەر قانچە يامغۇر تىلەپ قىلسىمۇ، يامغۇر ياغمىدى. ئۇ يالغان يادا تاشنى ئۇقۇشماي ئېلىپ قويغانلىغىنى بىلىپ، غەزنىڭ ھېيلە ـ مىكىر قىلغانلىغىنى سېزىپ، لەشكەر يىغىپ، ئۇرۇشقا تەييارلاندى ۋە يالغان يادا تاشنىڭ ئورنىغا راست يادا تاشنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. غەزمۇ چوڭ ئوغلى بېيۈدنى لەشكەر بىلەن جەڭگە ئەۋەتتى. ئارىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، بېيۈد جەڭدە ئۆلدى. تۈرك غەلىبە قىلىپ قايتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ بىر تۇققانلار ئارىسىدا جەڭ ـ ماجىرالار باقى ئادەت بولۇپ ساقلىنىپ قالدى.

ياپەسنىڭ يەنە بىر ئوغلى ساقلاپ غەرب تەرەپلەردە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ئورۇنلاشقان ئىدى ۋە ئەۋلاتلىرىمۇ كۆپەيگەن ئىدى. بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن. شۇ چاغدا يەنە ئۇنىڭ ئىتىمۇ تۇساتتىن كۈچۈكلىگەن ئىدى. ساقلاپ بۇ ئوغۇلنى ئىتقا ئېمىتىپ، پەرۋىش قىلىپ چوڭ قىلدى، بۇ بالا ئىتقا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ يۈزىنى چىشلەيدىغان بولدى. بۇنىڭغىمۇ بىر خوتۇن ئېلىپ بەردى ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بىر ئوغۇلغىمۇ ساقلاپ دەپ ئات قويدى. بۇ بالا بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن پەرزەنتلىرى ۋە تەۋەلىكىنى باشلاپ رۇس دىيارىغا بېرىپ، ئۆزىگە لايىق بىر زېمىن بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، رۇس ئۇنىڭغا ”بۇ زېمىن ناھايىتى تار، سىلەرگە كەڭ بىر جاي لازىم ئىكەن“ دەپ، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى. ساقلاپ ئۇنىڭدىن يېنىپ گۇمادى ۋە خەزەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، يەنە شۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇلاردىنمۇ ئوخشاش جاۋاپ ئالدى، نەتىجىدە ئۇزئارا جەڭ ـ ماجىرالار پەيدا بولدى. ساقلاپ قېچىپ بىر جايغا باردى. بۇ يەر بولسا دائىرىسى ئاتمىش دەرىجىدە ۋە يەتتە ئىقلىمنىڭ سىرتىدىكى بىر جاي ئىدى. سوغاق قاتتىق بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلار يەر تېگىدىن ئۆي ياساپ ئولتۇراتتى.

ياپەسنىڭ گۇمادى دېگەن يەنە بىر ئوغلى ئەيىشى ـ ئىشرەت ۋە ئوۋچىلىققا ئامراق بىر كىشى ئىدى. ئۇ ئوۋ قىلىپ يۈرۈپ، ئوشتۇم ـ تۇت بۇلغارنىڭ ئەتراپىدا مۆتىدىل خۇش ھاۋالىق ۋە پاكىز بىر جاينى تېپىپ، شۇ جايدا تىرىكچىلىك قىلىدىغان بولدى. خۇداۋەندە ـ كېرىم ئۇنىڭغا ئىككى پەرزەنت بەردى. ئۇنىڭ بىرىگە بۇلغار، يەنە بىرىگە بەرتاس دەپ ئات قويدى. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ھەر تەرەپكە بېرىپ، ئىمارەت سېلىپ، تۈلكە، سىنجاب (سۇلۇسۇن ـ ت)، سەمۇر (قۇندۇز ـ ت)، تاقىم (قوش ـ ت) ئوۋلاپ، ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ كىيىدىغان ئادەتنى پەيدا قىلدى. بۇ ئادەت شۇ زاماندىن بۇ زامانغىچە جامائەت ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ياپەسنىڭ ئوغلى چىن ناھايىتى ئەقىللىق، زېرەك، ھوشيار ۋە تەدبىرلىك كىشى ئىدى. دادىسى بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنىمۇ ئوغلىنىڭ نامى بىلەن چىن دەپ ئاتىدى. چىن يەنە تەبىئىتى ئۈستۈن ۋە ھۈنەرۋەن كىشى ئىدى. ئۇ نەققاشچىلىق، رەسسامچىلىق ۋە گۈللۈك كىيىم تىكىپ كىيىشنى پەيدا قىلدى. پىلەچىلىك ھۈنەر ـ ۋەنچىلىگىنى كەشپ قىلىپ، بۇنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆگەتتى. بۇ ھۈنەرۋەنچىلىك ھازىرمۇ كۆپرەك بېيىجىڭدا مەشھۇر. بۇ چىننىڭ پاك زېھىن ـ ئىدراكىگە ئىگە بولغانلىغىنىڭ ئىپادىسى. بۇ چاغدا ئاللا چىنغا خۇش چىراي ۋە شوخ بىر پەرزەنت بەردى، بۇنىڭغا ماچىن دەپ ئات قويدى ۋە ئۇنى ئۆي ـ ئوچاقلىق قىلدى، ماچىنمۇ كۆپ پەرزەنتلىك بولدى، بىر كۈنى ئۇ دادىسىغا مەسلىھەت سېلىپ، ”مېنىڭ پەرزەنتلىرىم كۆپىيىپ كەتتى، بۇ زېمىنغا سىغمايدىغان ھالەتكە يەتتىم. ئەگەر رۇخسەت بولسا، يېقىنراق جايدا بىر شەھەر بىنا قىلىپ ئولتۇرسام“ دېدى. چىن بۇنىڭ تەلەپىگە ماقۇل بولۇپ بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنى ماچىننىڭ نامى بىلەن ئاتايدىغان بولدى. ماچىننىڭ بالا ـ پەرزەنتلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. ئۇ بالىلىرىغا قوينىڭ يۇڭىدىن يىپ ئېگىرىپ كىيىم قىلىپ كىيىشنى، بۆركۈت بىلەن ئوۋ قىلىشنى ئۆگەتتى. قوش ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ئەنقا دېگەن ناھايىتى چىرايلىق سۈرەتلىك بىر قۇش بار ئىدى، ئۇ قۇشنىڭ قاناتلىرى بۇ زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا باشلىرىغا قىستىدىغان بولدى. ماچىن بۇ قۇش قاناتلىرىنى جەڭ كۈنلىرىدە باتۇرلارنىڭ دەستار ـ داۋۇلغا (توق ئۆتمەيدىغان تۆمۈر ياكى پولاتتىن ئىشلەنگەن باش كىيىم ـ ت) لىرىغا بېكىتىپ، ھەيۋەتلىك باتۇرانە قىياپەتكە كىرىشكە بۇيرۇق قىلدى. بۇ ئادەت مەنسەپدارلار ئارىسىدا تا ھازىرقى دەۋرگىچە ساقلانماقتا.

يەنە بىر قېتىم ماچىن ئوۋغا چىقىپ، بىر كىيىكنى تۇتقان ئىدى، كىيىكنىڭ كىندىگىدىن بىر خىل خۇش پۇراق قان ئېقىپ چىقتى. ماچىن بۇ قاننى ئېھتىيات قىلىپ ساقلاپ قويدى. قۇرۇغانسېرى بۇ قاندىن تېخىمۇ بىر خىل خۇش پۇراق پەيدا بولدى. ماچىن شۇنىڭدىن باشلاپ ”ھەر قانداق كىشى بۇ كىيىكنى ئوۋلايدىغان بولسا، ئۇنىڭ كىندىگىنى ئېھتىيات قىلىپ ساقلىسۇن“ دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىيىكنى ئوۋلايدىغانلار ئۇنىڭ كىندىگىنى ئېلىپ ساقلايدىغان بولدى. بۇ مىشكى (ئىپار ـ ت) دەپ ئاتىلىپ، ئادەملەرنىڭ قولىدا بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ ھال ماچىننىڭ بالا ـ پەرزەنتلىرىگە يىلدىن ـ يىلغا بايلىق ـ بەرىكەت ئېلىپ كەلدى. چىن ۋە ماچىننىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇلارنىڭ پەرزەنت ـ ئەۋلاتلىرى ئوتتۇز ئالتە خىل تىلدا سۆزلىشەتتى.

شۇنداق قىلىپ، سام، ھام، ياپەس بۇ ئۈچ قېرىنداشنىڭ پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرى يەتمىش ئىككى خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى بىر تايىپە ياكى بىر قەبىلە بولۇپ شەكىللەندى. بۇ قەبىلىلەر بىر بىرى بىلەن تىلماچ (تەرجىمان ـ ت) ئارقىلىق سۆزلىشەتتى. ھەر بىر تايىپە ياكى قەبىلە ھەر تەرەپكە تارقاپ، ئۆز ئالدىغا شەھەر ـ ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ياشايدىغان بولدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، يەئجۇج ۋە مەئجۇج (40) دېگەن تايىپە ۋە قەبىلىلەرمۇ ياپەسنىڭ ئوغلى مىنەشەجنىڭ ئەۋلادى دەپ بايان قىلىنىدۇ.

ئەگەر ياپەس بىننى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئون بىر ئوغلىنى بىر ـ بىرلەپ بايان قىلىدىغان بولساق، گەپ ئوزۇنغا سۇزۇلۇپ، بۇ قىسقىچە تارىخنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىدۇ. بىز بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئايرىم تۈرك ئەۋلاتلىرىنىلا تەپسىلىيرەك بايان قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قەلەم سۈردۇق.

بەزى تارىخىي كىتابلاردا، تۈركنى ياپەس ئوغلان دەپ ئاتايدۇ ھەم ئۇنى كىيومەرس (41) بىلەن زامانداش ئىدى دەپ بايان قىلىدۇ. ئومۇمەن تۈرك، موغۇل (موڭغۇل ـ ت)، تاتار، قىرغىز، قىپچاق، ئۇيغۇر، مانجۇ، نايمان، چەركەس، داچىڭ، داغىستان، تۇرغۇت، نوغاي، بارلاس، جوراس، جالايىر، دىلىم، جۇرۇت، يەئجۇج ـ مەئجۇج قاتارلىق نەچچە مىڭ قەبىلە ۋە نەچچە مىڭ تايىپىنىڭ نەسەپلىرى تولۇق تۈرك بىننى ياپەسكە يېتىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ياپەس نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى تۈرك (42)، ئۇنىڭ ئوغلى ئەبىلخاخان، ئۇنىڭ ئوغلى زىپ باتۇيخان، ئۇنىڭ ئوغلى كۆيۈكخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلەنجە خان ئىدى، بۇ ئەلەنجە خاندىن قوشكېزەك ئوغۇل دۇنياغا كەلدى، بىرىنىڭ ئىسمىنى موغۇل، يەنە بىرىنىڭ ئىسمىنى تاتار دەپ قويدى. ئەلەنجە خان بولسا ئۇلۇغ شان ـ شەرىكەتكە، چەكسىز بەخت ـ دۆلەتكە ۋە ھەددى ـ ھېسابسىز مال ـ مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئۆزۈن زامان پادىشاھلىق قىلدى، شۇ سەۋەپتىن ئۇ توغرا يولدىن ئېزىپ ئۆز ئەجداتلىرى ئىچىدىكى خانلار ئارىسىدىن ئەڭ دەسلەپكى دىنىي ۋە مىللىي ئادەتلىرىنى تاشلاپ، يامان يولنى باشلاپ، ھەممىدىن بۇرۇن كۇفرۇ شېرىكلىك (مۇشرىكلىك ـ ت) يولىنى تۇتقان خانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەلەنجە خان ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە قاراشلىق جايلارنى ئىككى ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىپ، ئۇلارغا چېگرا ـ پاسىل بەلگىلەپ بەردى. موغۇل خانغا تەۋە جايلارنى ”موغۇلىستان“، تاتارخانغا يېقىن جايلارنى ”تاتارىستان“ دەپ ئاتايدىغان بولدى. موغۇل خان بىلەن تاتارخان ئۆزىگە تەۋە زېمىنلارنىڭ كاتتابېشى بولۇپ ئۆتتى ـــ شۇ زاماندىن بۇ زامانغىچە بۇ جايلار ”موغۇلىستان“ ۋە ”تاتارىستان“ دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلمەكتە. موغۇلىستاننىڭ دائىرە ۋە پاسىلى مەزكۇر كىتابنىڭ خاتىمە قىسمىدا بايان قىلىنىدۇ. ئاللا ئۇنى يېزىشقا ئىمكانىيەت بەرگەي ـــ ئىنشا ئاللا!

ئەلەنجە خاننىڭ ئوغلى موغۇلخان، ئۇنىڭ ئوغلى قاراخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئوغۇزخان ئىدى، لېكىن، قاراخان ئۆز ئىسمى ـ جىسمىغا لايىق قارا نىيەت، مۇشرىكلىك ۋە كاپىرلىق مەزھىبىنىڭ يولىدا قەتئىي تۇرىدىغان، كۆرگەنلا مۇسۇلماننى زادىلا تىرىك قويمايدىغان بىر خان ئىدى. ئىسلامغا ئاداۋىتى كۈچلۈك بۇ كاپىردىن بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. بۇ يۈزى ناھايىتى نۇرلۇق ئوغۇل ئىدى. بۇ ئوغۇل ئۈچ كۈنگىچە ئانىسىنى ياكى بىرەر ئايالنىڭ سۈتىنى ئاغزىغا تەگكۈزمىدى. ئانىسى بۇ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىدىن ناھايىتى غەمكىن بولۇپ تۇرغاندا، چۈشىدە بالىسىنىڭ: ”ئەي ئانا! ئەگەر مۇسۇلمان بولساڭ سۈتۈڭنى ئېمەي، مۇسۇلمان بولمىساڭ ئەممەيمەن. بۇ سىرنى

__________

① نىم شېھىت ئارىمىيە: «موللا مۇسا سايرامى ھەققىدە»

② «تارىخى ھەمىدى» قوليازما.

_________

زادى كىشىگە دېمە.“ دېگەن سۆزى ئايان بولدى. ئۇ ئويغىنىپ تۇرۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. بالا سۈتنى ئەمدى. ئانىسى ئېرىنىڭ خۇلقى ـ مىجەزىنى بىلگەچكە، بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دېمەي، ئۆز ئىمانىنى مەخپى ساقلىدى، موغۇللارنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى بويىچە، بالا تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەن چاغدا، ئات، كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ، يۇرتنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىرىنى چىللاپ، ئات تويى مەرىكىسى قىلاتتى. شۇ پەيتتە دادىسى بىلەن ئانىسى مەرىكىگە تەييارلىق قىلىپ، بۇ خۇش پېئىللىك، گۈزەل ئوغلۇمىزغا نېمە دەپ ئات قويساق بولار دەپ مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، تېخى ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بۇ زەكى بالا ”مېنىڭ ئېتىم ئوغۇز بولسۇن“ دەپ تىلغا كىردى. دادىسى بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، خوشاللىقتىن ئۇنىڭ ئېتىنى ئوغۇز قويدى.

ئوغۇز بالاغەتكە يەتكەندە، قاراخان ئۇنىڭغا ئۆز ئىنىسىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەردى. ئوغۇز ئۇنىڭ بىلەن بىر تەكىيەگە ياتمىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا نەزەر سېلىپمۇ قويمىدى. ئۇ بىر كۈنى ئوۋدىن يېنىپ بىر تاغىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشكەندە، تاغىسىنىڭ قىزى ”مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولسام“ دەپ تەلەپ قويدى. ئوغۇزخان ”ئەگەر مۇسۇلمان بولسىڭىز، مەن ئەمىر ـ تەقدىمگە ئالاي“ دېگەندە، ئۇ قىز مۇسۇلمان بولدى. ھەر ئىككىسى ئۆمۈرۋايەت بىللە ئۆتۈشكە ۋەدە ـ ئەھدە قىلىشتى. بىر كۈنى ئوغۇز بۇ سىرنى ئانىسىغا ئېيتتى. دادىسىمۇ سىرنىڭ تېگىگە يەتمەيلا ماقۇل بولۇپ، بۇ قىزنى ئېلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى.

بىر كۈنى ئوغۇز ئوۋغا كەتكەندە، قاراخان ئوغۇزنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن ”ئوغلۇم سىزگە نېمە ئۈچۈن مۇھەببەت باغلىمىدى؟“ دەپ سورىغاندا، ئۇ ”ئوغلىڭىز مۇسۇلمان دىنىغا كىرىپتۇ، ئۇنىڭ توقال خوتۇنىمۇ مۇسۇلمان بولۇپتۇ. مەن ئەجداتلىرىمنىڭ دىنىنى تاشلاپ، ئادەتلىرىدىن يانمىغانلىغىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن بىلەن ئىشى بولمىدى“ دەپ جاۋاپ بەردى. بۇنى ئاڭلاپ قاراخاننىڭ غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، ئوغۇزنىڭ ئۈستىگە لەشكەر ئەۋەتمەكچى بولدى. ئوغۇزنىڭ مۇسۇلمان خوتۇنى بۇنى ئاڭلاپ ئوغۇزغا خەۋەر قىلدى. ئۇمۇ لەشكەر تۈزۈپ تەييارلاندى. ئارىدا قاتتىق جەڭلەر بولۇپ، ئوغۇز غەلىبە قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى دادىسىنىڭ قارارگاھىغا يېقىن بىر جايغىچە سۈرۈپ كەلدى. بۇ چاغدا دادىسى لەشكەرگە ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ ئۇرۇشقا چىقتى. ئۇرۇشتا دادىسى ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرى يوق قىلىندى. نەتىجىدە ئوغۇز تامامەن غەلىبە قىلىپ، دادىسىنىڭ پايتەختىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىغىنى ئاشكارا قىلىپ، يۇرت ئىچىگە ئادالەت ۋە پاراۋان تۇرمۇش تىكلىدى. ياخشى قائىدە ـ تۈزۈملەرنى ئورناتتى. بىر يۈز يەتمىش يىل پادىشاھلىق قىلىپ، ئەرەپ زېمىنلىرى ھەتتا رۇبئى مەسكۇننىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈپ، بۇ يۇرتلاردىمۇ ئاۋاتلىق ۋە مەمۇرچىلىق ئورناتتى. خۇداۋەندە كېرىم ئۇنىڭغا ئالتە پەرزەنت بەردى. ھەر بىر پەرزەنتى يەنە تۆتتىن جەمئىي يىگىرمە تۆت پەرزەنتلىك بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادى يىگىرمە تۆت تارماققا ئايرىلىپ، يىگىرمە تۆت قەبىلىنى تەشكىل قىلىپ، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر، قاڭلى، قاي، خەلەج دېگەنگە ئوخشاش ئايرىم ـ ئايرىم نام ۋە لەقەملەر بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى.

ئوغۇزخان قوشۇن باشلاپ ئەرەبىستان تەرەپكە يۈرۈش قىلغان چاغدا، ئۇنىڭ باتۇرلىرىدىن بىرى جەڭدە ۋاپات بولدى. بۇ باتۇرنىڭ خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ، تۇغۇت ۋاقتى ـ قارارىغا توشۇپ، كىشىگە كۆرۈنمەيدىغان بىر خالى جاي تاپالماي، بىر دەرەخنىڭ كاۋىكىنى پانا قىلىپ، شۇ جايدا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئادالەتپەرۋەر ئوغۇزخان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ ئايالنى بالىسى بىلەن بىللە ھەرەمگە (ئۆز ئوردىسىغا ـ ت) ئالدۇرۇپ پەرۋىش قىلدى. بۇ بالا دەرەخ ئىچىدە تۇغۇلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ”قىپچە“ دەپ ئات قويدى. چۈنكى، دەرەختىن يېڭى ئۈنۈپ چىققان نوتىنى ”قىپچە“ دەپ ئاتايتتى. كېيىنچە سۆزلەرنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ”قىپچە“ دېگەن نام ”قىپچاق“ دەپ ئۆزگىرىپ مۇقىملاشتى. بۇ بالا چوڭ بولغاندا، ئوغۇزخان ئۇنى لەشكەرباشلاپ خەزەر (كاسپى كۆلى ـ ت) تەرەپكە يولغا سالدى. ئۇ شۇ جايلارنى ئىگىلەپ ماكان قىلدى. قىپچاق قەبىلىلىرى بۇ ئوغۇلنىڭ نەسلى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.

ئوغۇزخان يەنە بىر ئوغلى كۈن خان دېگەننى ئۆزىگە قايىم ماقام (مىراسخور ـ ت) قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كۈن خاننىڭ ئوغلى ئاي خان، ئۇنىڭ ئوغلى يۇلتۇز خان، ئۇنىڭ ئوغلى دېڭىز خان، ئۇنىڭ ئوغلى مەڭلى خان، ئۇنىڭ ئوغلى ئېل خان قاتارلىقلار كېيىنى ـ كېيىندىن پادىشا بولدى. بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئېل خان بىلەن پادىشا فەرىدۇننىڭ (43) ئوغلى تۇر (44) ئارىسىدا بىرقانچە قېتىم قارشىلىق ئاداۋەتلىرى، بەزىدە خەت ـ ئالاقە ۋە بېرىش ـ كېلىشلەر بولۇپ تۇرغان ئىكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا، ئېل خان تۇرنىڭ دەۋرىدە ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغان.

موغۇل خانلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىچىدە سەكسىز نەپەرخان ناھايىتى شەرىكەتلىك ۋە ھەشمەتلىك پادىشا بولۇپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ توققۇزىنچىسىغا يەتكەندە، تاتارلار موغۇل خانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ھەممە موغۇللارنى قىرغىن قىلىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىدىن تامامەن يوق قىلدى. پەقەت ئېل خاننىڭ ئوغلى قىيانخان بىر پۇرسەت تېپىپ تاغىسىنىڭ ئوغلى تەكۈز بىلەن بىللە تاتارلارنىڭ قىرغىنچىلىغىدىن قېچىپ، خوتۇن، بالا ـ چاقىلىرىنى ئېلىپ، بىرنەچچە چارۋىسىنى ھەيدەپ، بىر پىنھان تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ ياشايدىغان بولدى. بۇ تاغنىڭ پەقەت بىرلا دەرۋازىسىدىن باشقا چىقىدىغان ئاغزى يوق ئىدى، ئۇلار بۇ دەرۋازىنى مەھكەم بېكىتتى ۋە بىر قانچە ئەۋلاتقىچە بولغان نەچچە مىڭ يىل ئىچىدە، ئۇلار شۇ تاغ ئارىسىدا ياشاپ كەلدى. ئەۋلاتلىرى ۋە چارۋىسىمۇ ناھايىتى كۆپەيدى. قىياننىڭ ئەۋلاتلىرىنى ”قىيات“، تەكۈزنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ”ئۆكۈش“ دەپ ئاتايدىغان بولدى. بۇلار كېيىنچە تېخىمۇ كۆپىيىپ بىرقانچە پىرقىگە ۋە قەبىلىگە ئايرىلىپ تاغ ئىچىگە سىغمايدىغان ھالەتكە يەتتى. ئۇلار ئەسلىدە ئاسماننىڭ تېگىدە بۇ جايدىن باشقا يەنە زېمىن يوق ۋە بىزدىن باشقا ئىنسان ياكى مەخلۇقمۇ يوق دەپ ھېسابلايتتى ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ماكانىنى ”ئەرگىنەقۇن“ دەپ ئاتايتتى. بىر كۈنى ئۇلار ئەجداتلىرى بېكىتىپ قويغان دەرۋازىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئېچىپ سىرتقا چىقىشقا باشلىدى.

ئەسلىدە موغۇل خانلىرىدىن سەكسىزخان دۆلەت ۋە ئىززەت بىلەن تۇغۇلۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ھەشمەتلەر بىلەن ئۆتكەن ئىدى. توققۇزىنچىسىغا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ نىيىتى نابۇد بولدى. شۇڭلاشقا كېيىنكىلەر بۇ سەكسىز خاننىڭ زامانىنى مۇبارەك ۋە خوشلۇق ھېسابلايدىغان، پادىشالار ئۇلۇغ شەرىكەت ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋە ئىگىلىرى ئۆزئارا توققۇزدىن سوغا ـ سالام قىلىشىدىغان ئەھۋال ئادەت بولۇپ قالدى. لېكىن، ئۇلار بۇ سەكسىزنى ”بىر توققۇز“ دەپ ئاتايتتى. خان ۋە پادىشالار، ھەتتا پۇقرالار ئانىسى ياكى خوتۇنلار ئۆزئارا بېرىش ـ كېلىشلىرىنى قىلىدىغان بولسا پەقەت سەكسىز ناننى كۆتۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى توققۇز دەپ ھېسابلايتتى. بۇنداق ئادەت موغۇلىستان يۇرتىدا تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ئۇ چاغدا، ئېل خان ئەۋلادىدىن يۇلتۇزخان پادىشا ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا دادىسى ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىرىسىدىن بىر ئوغۇل، يەنە بىرىسىدىن بىر قىز دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇلارنى بىر بىرىگە نىكا قىلىپ قويغان ۋە بۇلاردىن بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا يۇلتۇز خانمۇ ۋاپات بولدى. ئۆزۈن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئوغۇل نەۋرىلىرىمۇ ۋاپات بولۇپ، پەقەت ئالانقۇۋا دېگەن بىر خوتۇنلا يالغۇز قالدى. بۇ خوتۇن يۇلتۇز خاننىڭ خەلقى ۋە ئۇلۇسلىرىغا ئىگە بولدى. ئالانقۇۋا ئېرى ئۆلگەندىن كېيىن، باشقا ئەرگە تەگمىگەن ئىدى. بىر كېچىسى ئاق ئۆينىڭ تۈڭلۈگىدىن خۇددى ئايپاتەك بىر نۇر كۆرۈنگەندەك بولدى. بۇ نۇر يەنە بىر ياش يىگىت سۈرىتىگە كىرىپ ئالانقۇۋا بىلەن ھەمبەستەر (بىللە ـ ت) بولدى، ئۇنىڭدا بىر خوشاللىق پەيدا بولۇپ ھامىلدار بولۇپ قالدى. دۆلەت ئەركانلىرى (ئەربابلىرى ـ ت) بۇنى ئاڭلاپ تەئەررۇز ـ مەسخىرە قىلىشقا كىرىشتى. بۇ چاغدا ئالانقۇۋا ”مېنىڭ ئادىتىم پاكلىق، نومۇسلۇق، راستچىللىق بولۇپ، پاھىشە ۋە يامانلىق قىلمايمەن، ئاق ئۆي تۈڭلۈگىدىن بىر نۇر ئۆيگە كىرىپ، ياش يىگىت سۈرىتىدە بولۇپ بىللە بولدى. ھامىلدار بولۇپ قالدىم“ دەپ ھېكايە قىلدى. بەزىلەر بۇ نۇرنى ھەزرىتى ئەلى كەررەمۇللاھۇ ۋەجھۇ ۋە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دەپ قىياس قىلىشتى. مۇنداق ئەھۋاللار خۇداۋەندە كېرىمنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىدىن بولغان. بۇ ۋەھىي مەريەم رەزىيەللاھۇ ئەنھا (ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي!) دىن ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز تۇغۇلغان، بۇنداق ئاجايىپ ۋە غارايىپ ئىشلارنى خۇداۋەندە تائالا ئاسانلا پەيدا قىلالايدۇ. خالىغان نەرسىنى قىلالايدىغان ۋە ئۆز خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قىلالايدىغان بىرىدىن ـ بىر سۈپەت پەقەت رەھەمدىل ئاللاغىلا خاس دەپ پەتۋا قىلىشتى. بەزىلەر يەنە ئاسترونوم ۋە پەيلاسوپلارنىڭ، ئەگەر كۈن بىلەن ئاي ھەمەل بۇرجىدا (مىلادى 3 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىن 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىل ـ ت) بىر سىزىققا توغرا كېلىپ، ئالتىنچى دەرىجىدە ئۇچراشسا، شۇنداق ۋەقەلەر پەيدا بولىدۇ دېگەن سۆزلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ، ئالانقۇۋا ھېكايىسىنىڭ راستلىغىنى ئىسپاتلاپ ۋە تەستىقلاپ، بىر قانچە سەۋەپ ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ”رەۋزە تۇسسافا“ دېگەن كىتابتىمۇ باشقىلارنىڭ ئالانقۇۋاغا قىلغان مەسخىرە ۋە ئەيىبلىرىگە قارشى بىرنەچچە دەلىل ـ ئىسپاتلار كەلتۈرۈلگەن.

كەمىنە مەندەك كۆپ نۇقسانلىق بىر قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ كۆڭلىدە، بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئەكسىچە بولغان مۇنداق بىر قارشى مەندىكى سۆز ئۆزىنىڭ نىقاب پەردىسىنى ئېچىپ، ئاشكارا بولدى. شۇڭلاشقا، نىقاب پەردىسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ، مەخپىي بولۇپ كەلگەن بۇ ئاجايىپ رىۋايەتنى ئېنىقلاپ، ۋاراق سەھىپىسىگە يازدىم. مېنىڭچە، بۇ رىۋايەتنى مۇنداق بايان قىلىش كېرەك. يەنى ئالانقۇۋا نەسلىدىن مۇسۇلمانچىلىق كۆرۈنمىگەن خان، پادىشالاردىن تۇغلۇق تۆمۈرخان، ئەمىر تۆمۈر كوراگانى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلات ـ جەمەتى ئۆزلىرىنى شۈبھىلىك ئالانقۇۋا نەسلى ـ ئەۋلادىغا مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلار يەنە ئالانقۇۋاغا ئادەم ئەۋلادى قول تەگكۈزۈپ باقمىغان. ئالانقۇۋا پەقەت نۇردىن ھامىلدار بولۇپ نەچچە ئاي ۋە نەچچە مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن، بۈزەنجىرخاننى تۇغقان، بىز بولساق ئەنە شۇنىڭ ئەۋلادى دەپ پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۆزىنى شۆھرەتلىك ھېسابلايدۇ. ئۇ كۆرۈنگەن نۇرنى ھەزرىتى ئەلى كەررەمۇللا ياكى جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قىياپىتى دەپ، يۇقىرىدىكى رىۋايەتكە ئەقىدە ۋە ئىخلاس قىلىدۇ.

مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنداق پايدىسىز ئەقىدە ـ ئېتىقاد ۋە ھېكايىلەر نەزەر ۋە ئېتىبارغا ئالغىلى بولمايدىغان بىر خىل قۇرۇق گەپ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىشىنىش كاپىرلىقنىڭ بەلگىسى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەلى كەررەمۇللا بولسا ھىجرىنىڭ قىرىقىنچى يىلى (مىلادى 660 ـــ 661 ـ ت) ۋاپات بولغان ئىدى. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالانقۇۋا دەۋرى ھەزرىتى ئەلىدىن كېيىن ئۆتكەن. شۇنىڭدەك، ئالانقۇۋا قارا شەھەر مەملىكىتى تەۋەسىدىكى ئۆز قەۋمى ـ مىللىتى بولغان قالماقلارنىڭ كاتتىسى بولۇپ تۇرغان ئىدى. ئۇلار ھەقىقىي خۇدايىتائالانى، پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ساھابىلىرىنى بىلمەيتتى. بەلكى ئۇلار ئىمان كەلتۈرمىگەن، ھەتتا خۇدايىتائالا، پەيغەمبەر ۋە ساھابىلارنىڭ ئىسىم ـ شەرىپلىرىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان. بۇ ھەم ئاي ۋە كۈنگە ئىبادەت قىلىدىغان، جىن، شەيتانلارنىڭ كېيىنىگە كىرىپ قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتتە ياشاشنى ئادەت قىلىدىغان تايىپىلەر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار قانداق قىلىپ ئاللاتائالانىڭ مۇنداق نۇر ئىلھامىنىڭ بىشارىتىگە ئىگە بولالايدۇ؟

مەشھۇر تارىخ كىتابلىرى ئىنسانلارغا موغۇل تايىپىلىرىنىڭ ئىسلام شەرىپىگە ئەڭ دەسلەپ ھىجرى ئالتىنچى يۈزىنچى يىللىرىدىن (مىلادى 1203 ـــ 1204 ـ يىللىرى ـ ت) كېيىن ئىگە بولغانلىغى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىدۇ. شۇنىڭدەك ئەھلى كىتاب (مۇقەددەس دىنىي كىتاب ئەۋەتىلگەن بىرەر پەيغەمبەرنىڭ قەۋمى ـ ت) بولمىغان مۇشرىك بىر خوتۇننىڭ نىكاھسىز شەرىئەتكە توغرا كەلمەيدۇ. ئەگەر ھەزرىتى ئەلى كەررەمۇللا ۋەجھۇ كارامەت بىلەن بۇ مۇشرىك خوتۇننى مۇسۇلمان قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشقانلىغى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس دەپ پەرەز قىلىنسا، بۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ پاكلىغىغا شەك ـ شۈبھە ۋە گۇمان كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. گۇمان بىلەن بىرەر نەرسىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ھەتتا گۇماننىڭ ئۆزى شەرىئەتتە ھۆججەت ۋە دەلىلمۇ بولالمايدۇ.

شۇنىڭدەك، ھەزرىتى ئەلى ئىراق زېمىنىدىن باشقا ۋىلايەتلەرگە ئۆتمىگەن ئىدى. ئەگەر بۇ ئۇلۇغ زات ئۆز قەۋرىسىدىن چىقىپ نۇرغا ئايلىنىپ، ئاندىن ئىنسان سۈرىتىگە كىرىپ، بىر كاپىر خوتۇن بىلەن يېقىنلىشىپ بىر ياستۇقتا ياتتى دەپ سۆزلەنسە، بۇ تاناسىخىيە ۋە ھۇلۇلىيە (45) تەرەپدارلىرىنىڭ كۆزقارىشى بولۇپ قالىدۇ.

موغۇللارنىڭ مەزھەپلىرى ئىنساننىڭ روھى ھامان ئۆز تېنىدىن ئاجراپ يەنە بىر تەنگە يۆتكىلىپ يۈرىدۇ دېگەن ئەقىدىگە ئېتىقات قىلىدىغان بىر مەزھەپ. چىن ئەھلىنىڭ بەزىلىرى ۋە بارلىق ھىندىلارمۇ شۇ مەزھەپنىڭ تەرەپدارلىرى. شىئە (46) مەزھىبىنىڭ بەزى تەرەپدارلىرى ھەم مۇتە سەۋۋىفە (47) مەزھىبىنىڭ بەزى سوپىلىرىمۇ شۇ مەزھەپكە مايىل. ھالبۇكى، بۇنداق ئەقىدە ـ ئېتىقات بولسا كاپىرلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

«مىلەل ۋە نىھەل» (مىللەتلەر ۋە مەزھەپلەر) دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئىمام مۇھەققىق بىننۇلەھزەم ئەلزاھىرى (48) ۋە باشقا ئالىملار ئۆز كىتابلىرىدا، يۇقىرىقىدەك ئەقىدىگە ناھايىتى قاتتىق رەددىيە بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئەر بىلەن يېقىنلاشمىغان خوتۇنلارنىڭ بالا ـ پەرزەنت تۇغۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم بۇ جامائەت ئىچىدە ماقۇل كۆرۈلمەيدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. بۇنداق ھادىسە، مەريەم بىنتى ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا ئاياللار تايىپىسىدە سادىر بولمىغان، ھەزرىتى ئەيسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملا بۇيى مەريەمدىن ئاتىسىز دۇنياغا كەلگەن، شۇڭلاشقا، بۇنداق مۆجىزىلىك ھادىسە پەقەت ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامغىلا خاس بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا ئىنسانغا رۇخسەت قىلىنمىغان ئىدى.

ئىسلام دىنىنىڭ بەزى تەتقىقاتچى ئىماملىرى بۇيى مەريەمنى پەيغەمبەر ئىدى، ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر بولمىغان تەقدىردە، ھەق تائالا ئۆزىنىڭ قەدىمقى كىتابلىرىدا (ئىنجىل، تەۋرات ۋە قۇرئاندا ـ ت) بۇ ھەقتە خىتاپ قىلىپ سۆزلىمىگەن بولاتتى دەپ بايان قىلىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا خۇداۋەندە كېرىمنىڭ كۈچلۈك قۇدرىتى بىلەن ئاتا ۋە ئانىسى يوق يارىتىلغان مەخلۇق. ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالام بولسا ئاتىسىزدىن دادىسى يوق ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ ئىككىسىدىن باشقا ئىنسان ياكى باشقا ھايات ئىگىسىنىڭ ئاتا ۋە ئانىسى يوق ۋۇجۇتقا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئاللانىڭ ھەقىقىي ياراتقۇچىسى ئاللا ئۆزىنىڭ ئىلھام ۋە ئېھسانلىرى ھەم ياخشى ـ يامان ئىشلار يېزىلغان كىتابلىرى ئارقىلىق، كۈچ ـ قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، ئالەمىنىڭ ئىنتىزامى بىر رەۋىش ۋە بىر خىل يولدا ئىزچىل ئادەت قىلىپ ساقلاپ كەلدى. شۇڭلاشقا، ھەرقانداق زامان ياكى ھەر ئاۋاندا ئاللانىڭ بۇ خىل ئادەت ئۆلچەملىرى ۋە نىزام ـ تەرتىپلىرىگە مۇۋاپىق بولمىغان ياكى ئۆس ـ شەكىلنى ئۆزگەرتكەن بىرەر غەيرى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. قىسقىسى، ئاللا تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنمىغان بىرەر يېڭى ۋەقەلەرنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. قۇرئانى كەرىمدىكى ”ئاللانىڭ قانۇنىدىن ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى تاپالمايسەن“ دېگەن ئايەت بۇنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەزكۇر ئالانقۇۋا ھېكايىسىنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ھالدا ئۇيدۇرۇپ چىقىرىلغان ئاساسسىز بىر باتىل ھېكايە ئىكەنلىگىدە گۇمان يوق. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۆز ئېتىقادىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بۇ ھېكايىنى رىۋايەت قىلىپ يۈرگۈچىلەر ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەر بولسا كاپىر ۋە مەلئۇندۇر. چۈنكى، ھەزرىتى جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنبىيا، مۇرسەلىنلەردىن باشقا كىشىلەرنىڭ قېشىغا چۈشۈشى مەنئى قىلىنغاندۇر. شۇنداقلا رەسۇل خاتەمۇلەنبىي (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ـ ت)دىن كېيىن ھېچقانداق ئىنسان ياكى بىرەر ھايات ئىگىسى پەيغەمبەرلىك دەرىجىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئالانقۇۋانىڭ ئاق ئۆي تۈڭلۈگىدىن بىر نۇر پەيدا بولۇپ، مەندە بىر خوشاللىق ھاسىل بولۇپ، ھامىلدار بولدۇم، نەتىجىدە بۈزەنجىر خان ۋۇجۇتقا كەلدى دېگەن سۆزلىرىنى يۇقىرىقى قاراشلار بىلەن ئىسپاتلاشنىڭ ئۆزى تامامەن ئاساسسىز، بىھۇدە گەپ بولىدۇ.

موغۇللار زىنا قىلىشنى ئەيىپلىمەيدۇ، بەلكى ئۇنى ھالال دەپ ھېسابلايدۇ. موغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە، ئەركەگكە يارىمەكچى بولغان قىز ياكى سېكىلىك خوتۇننى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ لاماسى يەنى نىكا قىلىدىغان موللىسى بىر كېچە خوتۇن قىلىپ، ئۆز ئىلكىدە تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆز ئېرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نىكا ئادەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ لاماسى زادىلا خوتۇن ئالمايدۇ، دېگەن مەلۇماتلار بار. تارىخ كىتابلىرىدا يېزىلىشىچە، يەنە موغۇللار دادىسىنىڭ خوتۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئەمىر ـ ئەقدىگە ئالىۋېرىدۇ. مەسىلەن، چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر خوتۇنىنى ئوغلى تۇلى خان ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىككى بالا تاپقان دەپ زىكىر قىلىنىدۇ. جۈملىدىن، بۇ ئالانقۇۋامۇ زىنا بىلەن ھامىلدار بولۇپ قالغاندا، موغۇللار بۇ ئاتىسى يوق بالىنى قانداق قىلىپ ئۇلۇغىمىز قاتارىدا ھېسابلايمىز دەپ ئار ۋە نومۇس قىلىپ نارازى بولۇشقان. ئۇلار يەنە بۇ نارازىلىقنى بېسىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ھېيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، يالغانچىلىق قىلىپ، دىنىي كىتابلاردىكى ئايەتلەردىن دەلىل ـ ئىسپاتلارنى ئىزدىشىپ، ئۆزلىرىنى بۇنداق نومۇستىن قۇتقۇزماقچى بولۇشقان. ھەتتا تارىخ يازغۇچىلارمۇ ئۆز دەۋرىدىكى پادىشالارغا ۋە ئۇلۇغلىرىغا خۇشامەت قىلىپ، جانا ـ بىڭىز شۇنداق ئۇلۇغ پادىشادۇرسىزكى، ئۇلۇغ ئانىڭىز نۇردىن ھامىلدار بولۇپ ۋۇجۇتقا كەلگەن پادىشا ۋە خانلارنىڭ ئەۋلادىدۇرسىز، شۇڭلاشقا، ھەر قانداق غالىپ پادىشالاردىنمۇ غالىپ بولالايسىز دەپ خۇشامەتچىلىك سۆزلىرىنى بايان قىلىشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، موغۇللار بۇنداق رىۋايەتلەرگە چوڭ دىققەت ـ ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ غۇرۇرى دەپ پەخىرلىنىدۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ نىسبەت ـ نەسەپلىرىنى شۇلار بىلەن باغلايدۇ. بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىغى پەقەت ھەممە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدىغان ئاللاغا مەلۇم.

ئەمدى ئەسلى سۆزىمىزگە يېنىپ بىر ـ بىرلەپ بايان قىلايلى: ئالانقۇۋادىن ئۈچ ئوغۇل ۋۇجۇتقا كەلدى. كېنجىسىگە بۈزەنجىر دەپ ئات قويدى. ئۇ ھوشيار، دانا، ئادالەتلىك ۋە دۆلەتمەن پادىشا ئىدى. نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ۋە ئوبدان قائىدە ـ تۈزۈملەرنى پەيدا قىلدى. ئەمىر ئابا مۇسلىم مەرۋىزى (49) بىلەن زامانداش ئىدى دەپ بايان قىلىنىدۇ. مەلۇمكى، ئۇ ئەمىر ئابا مۇسلىم بىلەن بىر زاماندا ياشىغان. بۈزەنجىر خاننىڭ ئوغلى بۇقا خان، ئۇنىڭ ئوغلى دومىن خان، ئۇنىڭ ئوغلى قايدۇخان، ئۇنىڭ ئوغلى بايسۇنقۇرخان، ئۇنىڭ ئوغلى دۇمناي خان ئىدى. دۇمناي خاندىن قوشكېزەك ئىككى ئوغۇل تۇغۇلدى. بىرىسىگە قۇبۇل خان، يەنە بىرىسىگە قاچۇلى دەپ ئات قويدى. چىڭگىزخاننىڭ نەسەبى قۇبۇل خان بىننى دۇمناي خانغا، ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ نەسەبى بولسا قاچۇلى بىننى دۇمناي خانغا يېتىدۇ.

قاچۇلى بىر كېچىسى مۇنداق بىر چۈش كۆرۈپ، ئۇ چۈشىنىڭ مەزمۇنىنى دادىسىغا مۇنداق بايان قىلىپتۇ: ”ئاكام قۇبۇل خاننىڭ يېقىسىدىن بىر كۈن پەيدا بولۇپ، ئاسماننىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ھەممە ئالەمدە رۇشەنلىك پەيدا قىلىپ يېتىپ كەتتى، يەنە بىر قانچە كۈنمۇ كېيىنى ـ كېيىنىدىن چىقىپ، رۇشەنلىك پەيدا قىلىپ، بىرىنىڭ كېيىنىدىن بىرى يېتىپ كەتتى. ئاخىرى يۇلتۇزغا ئوخشاش بىر رۇشەنلىك پەيدا بولغاندا، مېنىڭ يېقىمدىنمۇ بىر كۈن چىقىپ پۈتۈن جاھاننى يورۇتۇپ، بومۇ يېتىپ كەتتى. ئۇنىڭ كېيىنىدىن يەنە بىرنەچچە كۈن چىقىپ، ھەرقايسىسى ھەر بىر تەرەپنى يورۇتتى. بۇ ھالەتتە ئۆزۈن ۋاقىت ئۆتتى. ئويغان ـ سام چۈشۈم ئىكەن.“ دادىسىمۇ خۇددى شۇنداق بىر چۈش كۆرگەن ئىدى. دادىسى بۇنى ئويلاپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، دۆلەت ئەركانلىرى ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ دانالىرىنى يىغىپ، ئوغلىنىڭ كۆرگەن چۈشىنى تولۇق بايان قىلدى. دۆلەت ئەركانلىرى پىكىر ـ تەپەككۈردىن كېيىن، قۇبۇل خان ئەۋلادىدىن شەرىكەتلىك بىر پادىشا چىقىپ، پۈتۈن ئالەم ئۇنىڭ ئىتائىتىگە بوي سۇنىدىكەن ۋە دۆلىتى زىيادە بولىدىكەن. كېيىن چىققان كۈن بولسا، ئۇنىڭ بالا ـ پەرزەنتلىرىدۇر. بۇلار دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ھەر بىرى ھەر تەرەپكە ھۆكۈمران بولۇپ ئۆتىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ چۈشنى كۆرگەن قاچۇلى نەسلىدىن بىر ئۇلۇغ شائان پادىشا (شاھلارنىڭ شاھى ـ ت) دۇنياغا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ قەدىمى بەرىكىتىدىن ئالەم يۈزى ئاۋات ۋە مەمۇرچىلىققا توشۇپ كېتىدىكەن دەپ تەبىر بېرىشتى ۋە ھەممىسىلا ماختاپ ئاپىرىن ئوقۇشتى. خان يارلىق قىلىپ، ئوشبۇ مەزمۇندا بىر خەت پۈتۈشنى بۇيرۇدى. خەتكە ”مەندىن كېيىن قۇبۇل خان ئەۋلاتتىن ـ ئەۋلاتقىچە خان بولۇپ ئۆتكەي، قاچۇلى ئەۋلاتلىرىمۇ تا ئەۋلاتتىن ـ ئەۋلاتقىچە ۋەزىرلىك دەرىجىسىدە تۇرۇپ، يۇرتدارچىلىقتىن خەۋەر ئالغاي“ دېگەن مەزمۇندا بىر قانچە پايدىلىق سۆزلەر بىر ـ بىرلەپ تىزىلىپ يېزىلدى. خان باشلىق دۆلەت ئەركانلىرى ئۆز مۆھۈرىنى بېسىپ، خەتنى غەزىنىدە قويدى. بۇ يارلىق خەت خانلارنىڭ غەزىنىسىدە تاكى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا (50) زامانىغىچە ساقلاندى ۋە شۇ يارلىق دەستۇرى بويىچە خەتنىڭ ھۆكۈمى ئىجرا قىلىنىپ كەلدى. بۇ خەتنى قالماق ـ موغۇللارنىڭ تىلىدا ”قارامىن“ دەپ ئاتايتتى، كېيىن قۇبۇل خاندىن بەرتان خان تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئوغلى يىسۇ باھادۇر، ئۇنىڭ ئوغلى تېمۇچىن باھادۇر بولۇپ، بۇنىڭ لەقىمى چىڭگىز قاغان ئىدى.

2

موغۇل خانلىرىنىڭ سەردارى، ئەرەپ، ئەجەم مەشرىققەچە بولغان جايلاردىكى خانلارنىڭ خانى پادىشا جاھانگىر چىڭگىزخاننىڭ غەلىبىلىك ئىستىلالىرى، ھۆكۈمرانلىغى، سەلەتەنەت سۈرگەن ۋاقتى، ئەۋلاتلىرى، ئەمىر، نويانلىرىنىڭ ئىستىقلالى ھەققىدە قىسقىچە نەمۇنە بايانى

گۈزەل تىللىق ۋە سىلىق سۆزلۈك مۇئەررىخلەر، تالانتلىق مۇئەللىپ ـ ئەپەندىلەر ۋە بۇلارغا نائىللار شۇنداق يول ۋە ئىشتىياق بىلەن بايان قىلىپدۇرلەركى، ئۇلۇغ ۋە ھەقىقىي پادىشا ئاللانىڭ ئۆز ئىرادىسى ۋە خاھىشى بويىچە، بەزىدە مۇسۇلمان مۆمىن ياكى دىندارلارنى كاپىر مۇشرىكلەر ئۈستىگە غالىپ قىلغان ۋە بەزىدە كاپىر مۇشرىك ياكى دىنسىزلارنى مۇسۇلمان ـ مۆمىنلەر ئۈستىگە غالىپ قىلغان ۋەقەلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ھېكايە قىلىپ، ئۆز تارىخ ۋە ئەسەرلىرىگە يازغان ئىكەن.

بۇ يازما ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، تارىخ ھىجرىيىنىڭ بەش يۈز قىرىق توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1154 ـ يىلى ـ ت) تېمۇچىن باھادۇر دۇنياغا كەلدى. ئون ئىككى يېشىدا دادىسى ئۇ ئالەمگە كەتتى. ئاندىن ئۇ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ، شەرق ۋە شىمال تەرەپلەردىكى جۇرۇت، نايمان، تۈركىستان ئوغۇللىرىدىن ئوڭخان، تايانخان، گۇرخان، توقابېك مىكىرىت (مېركىت ـ ت) قاتارلىق چوڭ دۆلەت ئىگىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىستىلا قىلىپ، قەۋم ۋە قەبىلە، يۇرت ـ ئايماقلىرىغا ئىگە بولدى. شۇ جەرياندا تېمۇچىن باھادۇر قىرىق توققۇز ياشقا كىردى. دۆلىتى ناھايىتى زىيادە بولدى. تارىخ ھىجرى بەش يۈز توقسان سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1201 ـــ 1202 ـ يىلى ـ ت) موغۇللار ئىتتىپاقلىشىپ، توققۇز پايەلىق (قەۋەت ـ ت) تەخت تەييارلاپ، تېمۇچىننى پادىشا قىلىپ ئۈستىگە چىقىرىپ، ”چىڭگىز قاغان“ دەپ لەقەپ قويدى. بۇ موغۇلچە ”خانلارنىڭ خانى“ ياكى ”شەھەنشاھ“ دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ تېمۇچىن دەپ ئاتالماي، بەلكى ”چىڭگىز قاغان“ دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. كېيىنچە ”قاغان“ سۆزى ئادەتتە ئەسلى تىلنى غەلەتە تەلەپپۇز قىلىدىغان ئاممىۋى تىلدا ”خاقان“ دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ مۇقىملاشتى. ئۇنىڭ پايتەختى قارا قۇرۇم دېگەن جايدىكى كېلوران دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدى. ھازىر بۇ جاينىڭ ئېنىق نىشان ۋە ئورنى قالماقلاردىن باشقىلارغا مەلۇم ئەمەس.

بۇ چاغدا خىتاي (51) خانى ئالتانخان (52) بولۇپ، پايتەختى خانبالىق ئىدى. خىتاي تىلىدا خانبالىقنى ”جۇڭدۇ“ (53) دەپ ئاتايتتى. خانبالىقنى پايتەخت قىلىپ، دۆلەتكە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان خانلارنىڭ ھەممىسىلا ئالتانخان دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ئىدى. چىڭگىز قاغان خانبالىقتىكى ئالتانخاننىڭ ئۈستىگە چېرىك باشلاپ بېرىپ، نۇرغۇن شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، خانىۋەيران قىلدى. چۈنكى، خىتاي خانلىرى بىلەن موغۇل خانلىرىنىڭ ئارىسىدا، قەدىمدىن بۇيانلا ئۆزئارا ئاداۋەتلىرى كۈچلۈك ئىدى. نەتىجىدە، ئالتانخان تەڭ كېلەلمەي، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. ھەتتا چىڭگىز قاغاننىڭ پەرمان ۋە ئىتائىتىگە بوي سۇنۇپ، ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا ئەقىدىسگە تەقدىم قىلدى. چىڭگىز قاغان بۇنىڭغا رازى بولۇپ، ئالتانخاننىڭ قىزىنى ئۆز خوتۇنلىرىنىڭ قاتارىغا قوشۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۆز يۇرتىغا ياندى. شۇنىڭ بىلەن چىڭگىز قاغانغا قاراشلىق جايلارنىڭ چېگراسى شەرقتە خانبالىق، شىمالدا قازان شەھىرىگە تۇتاشتى.

قازان شەھىرى ”تاتار“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى چىڭگىز قاغان قازان شەھىرىنى بېسىۋالغاندا، تاتارلاردىن لەشكەر ئېلىپ، ئۇلارنى بۇ جايغا باشلاپ بارغان ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى شۇ جايدا قالدۇرۇپ، ئۇلارغا ۋەتەن قىلىپ بەرگەن. شۇڭلاشقا، بۇ جاي ”تاتار“ نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بولسا كېرەك. كېيىنكى زامانلاردا ئەمىر تېمۇر كوراگانى بۇ جاينى بېسىۋېلىپ، مەزكۇر تاتارلارنى زورلۇق بىلەن ئۆز يۇرتىغا كۆچۈرۈپ كەلدى دېگەن رىۋايەتلەرمۇ بار. ئومۇمەن، چىڭگىز قاغان غەربىي چېگراسى مىسىر، شام (سۈرىيە ـ ت)، باغدات (ئىراق ـ ت)، رۇم (شەرقىي تەرىپى كىچىك ئاسىيا ـ ت)غىچە، جەنۇبىي چېگراسى ئەزەربەيجان، سىند دەرياسى، تىبەت، ئۇيغۇر مەملىكىتىگىچە (54) بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزۈپ، يەتمىش ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، يىگىرمە بەش يىلغا قەدەر يەر شارى قۇرۇقلۇغىنىڭ كۆپ قىسمىغا مۇستەقىل پادىشا بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

بۇ جەرياندا، چىڭگىز قاغاننىڭ خانىۋەيرانچىلىغى شۇنداق ئېغىر دەرىجىگە يەتتىكى، بۇنى يېزىشقا قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ، سۆزلەشكە تىل يېتىشمەيدۇ. «ھەدىس شېرىف»تە بۇ ھەقتە ”خۇددى قالقانغا ئوخشاش كەڭ يۈزلۈك ۋە مېغىزگە بىر نەرسە يېپىشتۇرۇپ قويغاندەك بىر قەۋم قىرغىنچىلىق ئۇرۇشلىرىنى قوزغاپ چىقمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ“ دەپ ئالدىنالا كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ سۆز موغۇل ـ تاتار تايىپىسىدىن چىققان چىڭگىز قاغان ۋەھالاكىنى كۆرسىتەتتى. موغۇللارنىڭ ئىسلام دىيارىغا قىلغان ئىستىلاسى خەلىپە مۇستەئسىم (55) زامانىدا يەنى تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز ئەللىك ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1256 ـ يىلى ـ ت) تاماملىنىدى. بۇ ھال چىڭگىز قاغاننىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى، ھىلاكونىڭ ۋارىسلىق قىلىپ ھۇجۇم قىلىشى ۋە يەئجۇج ـ مەئجۇجلەرنىڭ پىتنە ـ ئىغۋاسى قاتارلىق ئىشلارنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. «ھەدىس شېرىف»تە يەنە ”بىننى قەنتۇرا ئەۋلادى كەلگەن چاغدا ئاخىر زامان بولىدۇ“ دەپ كۆرسىتىلگەن. بىننى قەنتۇرا بولسا تۈرك ئەۋلادىنى كۆرسىتىدۇ. قەنتۇرا بولسا تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مومىسى ھېسابلىنىدىغان بىر ئايالنىڭ نامى. «مەشكۇات شېرىف» (ياخشى ۋە ياماننى ئايرىش ئۆلچىمى ـ ت) دېگەن كىتابتا ”ھىجاز تەرەپتىن بىر ئوت كۆيۈپ چىقىدۇ. شۇ ۋاقىت ـ سائەت ئىچىدە دۇنيانىڭ دەۋرى تۈگەپ، قىيامەت قايىم بولىدۇ“ دەپ يېزىلغان. يەنە «مىرقات» (نۇرلىشىش باسقۇچلىرى ـ ت) دېگەن كىتابتا ”بۇ ئوت ئالتە يۈز ئەللىك تۆتىنچىدە زاھىر بولىدۇ“ دەپ يېزىلغان. بۇ ھىلاكونىڭ ھىجرى ئالتە يۈز ئەللىك ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1256 ـ يىلى ـ ت) ئىسلام دىيارىنى ئىستىلا قىلىدىغانلىغىنى بىشارەت قىلغانلىق ئىدى، يەنە ”بەسىر دېگەن جايدا ئۆگە بويناق دېگەن بىر تاغ بار. ھىجاز زېمىنىدىن ئوت چىقىپ، ئۆگە بويناق تاغلىرى ئۇچۇپ كۆرۈنمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ“ دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. بۇ چىڭگىز ۋە ھىلاكونىڭ قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى ئوت ئاپەتلىرىدىن كىنايە ۋە ئىشارەت ئىدى.

ئەھلى تارىخچىلار ئۆز تارىخ كىتابلىرىدا چىڭگىز قاغاننىڭ بالايى ـ ئاپەتلىرى ۋە خانىۋەيرانچىلىغى ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى تۇپان بالاسىدىنمۇ ئېغىر ئىدى، دەپ يازىدۇ. چۈنكى، نۇھ دەۋرىدە دۇنيادا ئادەملەر ئاز ئىدى. بۇ دەۋرگە كەلگەندە ئادەملەر كۆپىيىپ، ماددىي مەئىشەتلەرمۇ ناھايىتى ئاشقان ئاۋات مەنزىرە بارلىققا كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، نۇھ دەۋرىدە ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسمى ئاللانى بىر دەپ تونۇيدىغان دىنىي ئىشەنچىدىن مەھرۇم ئىدى. بۇ زامانغا كەلگەندە ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان دىندار بولۇپ، دىنغا سادىق مۇجتەھىد ئۇلۇغ ئۆلىمالار، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ماشايىخلار كۆپ ئىدى. مەسىلەن، بۇخارايى شېرىفتە ئىمام ئەبۇ ھەفىزى كەبىرى (56) قاتارلىق بىر قانچە يۈز ئۇلۇغ مۇجتەھىد ئالىملار بار ئىدى. خارەزىمدە شەيخ نەجىمىدىن كۇبرا قاتارلىق يەتمىشكە يېقىن پېشۋالار بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتمىش مىڭدىن ئارتۇق مۇرىدى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ساھىبى كارامەت ۋە دالايەت (كارامەت ۋە ھۆججەت ئىگىلىرى ـ ت) كىشىلەر ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇ ئۇلۇغ زاتنى ”ۋەلى تاراش“ (دوستلار ئىگىسى ـ ت) دەپ ئاتايتتى. بۇ زات ئۆزىنىڭ بىر قانچە شاگىرتىغا رۇخسەت بېرىپ ”سىلەر باشقا جايغا كېتىڭلار، چۈنكى شەرق تەرەپتىن بىر ئوت كۆيۈپ كەلمەكتە. بۇ ئوت تا غەربكىچە بولغان زېمىننى كۆيدۈرمەكچى. بۇ چوڭ پاراكەندىچىلىك ئاپىتىدۇر. بۇنداق چوڭ بالايى ـ ئاپەت ئۈممەتلەرنىڭ بېشىغا يەنە قايتىپ كەلمىگۈسى“ دېگەندە، بەزى ئەزىزلىرى ”ئەگەر دۇئا قىلىسىلا كېلىۋاتقان بۇ ئاپەت كەينىگە قايتىشى مۇمكىن“ دەپ ئىلتىماس قىلىشتى. جانابى شەيخ ”بۇ دۇئا بىلەن قايتۇرغىلى بولمايدىغان بالايى ئاپەتتۇر“ دەپ جاۋاپ بەردى. يەنە باشقا شەھەرلەردىمۇ بۇ زاتقا ئوخشاش تەرسىپ ۋە ماختاشتىن تاشقىرى نۇرغۇن ھۆرمەتلىك ماشايىخلار، ئۇلۇغ ئۆلىمالار قاتارلىق ساھىب دۇئالار بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا چىڭگىز قاغاننىڭ قىرغىنچىلىغى تۈپەيلىدىن شېھىتلىك شەرابلىرى ئىچىشكە مەجبۇر بولدى.

لېكىن، قەدىمقى زاماننىڭ قەدىمقىسىدىكى پادىشالىق قائىدە ـ قانۇنلىرىنى پادىشا جەمشىت (58) بەرپا قىلغان بولسا، پەيغەمبەر (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام) زامانىدىن كېيىن پادىشالىق رەسمىيەتلىرىنى، قائىدە، قانۇن ـ ياساق تۈزۈملىرىنى ئورناتقان پادىشا چىڭگىز قاغاندۇر. تارىخ كىتابلىرىدا ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇ بىر قاتار ياساق ـ يوسۇنلار ۋە يارغۇ ـ قانۇنلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك دەستۇرۇل ئەمەل (سىياسى قوللانما ـ ت) دەپ ھېسابلاپ، ئۇنى يۇرت سوراشنىڭ ئاساسىي ھۆججەتلىرى قىلىپ كەلگەنلىگىنى بايان قىلىدۇ. چىڭگىز قاغاننىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ ھۆكۈم ـ پەرمانلىرى بويىچە، موغۇللاردىن قاراچار نويان، مۇسۇلمانلاردىن ماھمۇدبېك يالاۋاچ (59) ئۇنىڭغا ۋەزىر بولۇپ تۇرغان ئىدى.

چىڭگىز قاغاندىن جۇجىخان، چاغاتايخان، ئوگتايخان، تۇلىيخان دېگەن تۆت ئوغۇل قالدى. چىڭگىز ھايات ۋاقتىدا، مەملىكىتىنى بۇ تۆت ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بەردى. جۇجىخان چىڭگىز خاندىن ئالتە ئاي بۇرۇن بۇ جاھان بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭدىن ئون سەككىز ئوغۇل يادىكار قالدى. پۈتۈن تۈركىستان، دەشتى قىپچاق جۇجىخانغا تەئەللۇق بولدى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بەركە خان دادىسىغا ۋاكالىتەن ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان ئىدى. چىڭگىز قاغان ئىراق تەرەپتىن ئۆز يۇرتىغا قايتقان چاغدا، جۇجىخان باشقا سوغا ـ سالاملاردىن بۆلەك يەنە يۈز مىڭ ئات تارتۇق قىلدى. ھەر ئون مىڭ ئات بىر خىل رەڭدە ئىدى، چىڭگىز قاغان ئۈچىنچى ئوغلى ئوگتايخاننى ئۆزىنىڭ ۋارىسى قىلىپ بەلگىلىدى، بارلىق ئوغۇل نەۋرىلىرىنى ئۇنىڭ ئەمىر ـ ئىتائىتىگە تاپشۇردى. ئەجدات ـ ئاتىلارنىڭ بويۇنلىرىدىن قالغان تەۋەررۈك يارلىق ـ قارامىن ۋە دەستۇرۇل ئەمەل خەتلىرىنى ھەم قاراچار نوياننى، ئالاھىدە ئەھدىمان (توختام ـ ت) ۋە قائىدە ـ يوسۇنلار ئارقىلىق چاغاتايخانغا تاپشۇردى.

تۇلىيخاندىنمۇ مەڭگۈ قاغان، قۇبىلايخان، ھىلاكوخان، ئارتىق بوكاخان دەپ تۆت ئوغۇل قالغان ئىدى. ئوگتاي قاغان بۇ پايانسىز جاھان بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، چىڭگىز قاغاننىڭ پايتەختى مەڭگۈ قاغاننىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ ھەر ئون كىشىنىڭ ئىچىدىن ئىككى كىشىنى لەشكەرلىككە ئېلىپ، بىر يۈز يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەييارلاپ، ئۇلارغا قۇبىلايخاننى قوماندان قىلىپ، شەرق تەرەپتىكى ئالتانخان ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشقا يارلىق قىلدى. قۇبىلايخان بۇ زور قوشۇننى باشلاپ، ئالتانخاننىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كىردى ۋە بەزىدە غەلىبە قىلىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ، ئاخىرى تامامەن غەلىبە قىلدى.

خاقانى چىننىڭ «كاڭجاڭ» دېگەن بىر تارىخ كىتابى بولۇپ، بۇ ”خانلارنىڭ تارىخى“ دېگەن سۆز بولىدىكەن. خىتايلار ئەھلى تارىخنى فۇشى ئەۋلادىدىن باشلايدۇ. فۇشى ئەۋلادىدىن ”تەيخۇفۇس“ دېگەن بىر كىشى بار ئىدى، بۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىككى مىڭ يەتتە يۈز يىل كېيىن ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھىجرەت يىلىدىن (مىلادى 622 ـ يىلى ـ ت) ئۈچ مىڭ تۆت يۈز يىل ئاۋالقى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. فۇشى دېگەن ئادەم بولسا بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى فۇدەك دېگەن ئادەم بولسا كېرەك. بىزنىڭ تارىخـمىزدا فۇدەك تۈركنىڭ ئوغلى، تۈرك بولسا ياپەسنىڭ ئوغلى دەپ بايان قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، فۇڭ بىلەن فۇدەك بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان تىللاردىكى ئىككى خىل نامى بولسا كېرەك.

خىتايلار تارىخىنىڭ ئەڭ ئىپتىداسى دەل مۇشۇ تەيخۇفۇس ـــ فۇدەك ئەۋلادىدىن باشلانغان دېگەن گەپلەر بار. ئۇلارنىڭ خانلىقلىرى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ، جەمئىي يىگىرمە بەش نەسلىنىڭ قولىدا بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى بۇ يىللىقى ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە بەشىنچى يىلغىچە (مىلادى 1907 ـ يىلغىچە ـ ت) بولغان ئارىلىقتا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك تۆت ئادەم خانلىق قىلىپ، تۆت مىڭ سەكسىز يۈز نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. يەنە ئۇلارنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ”لۇۋاڭ“ دەپ يازىدۇ ۋە ”ھازىر خىتاي ئەھلى لۇۋاڭنىڭ دىن شەرىئىتىگە ئېتىقات قىلىمىز، باشقا دىنلارنى قوبۇل قىلمىغان“ دەپ ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلار تەيخۇفۇس دەپ ئېھتىمال ياپەس بىننى نۇھ پەيغەمبەرنى دېمەكچى بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا، ئۇلار تەيخۇفۇسىنى فۇۋاڭ دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۆز تارىخىنى شۇنىڭدىن باشلاپ، يىگىرمە بەش سۇلالىگە تەقسىم قىلىپتۇ. ھەر سۇلالىدىن يەنى ھەر بىر ئەۋلاتتىن يىگىرمە ـ ئوتتۇز نەپەر، بەزىدە بەش ـ ئالتە نەپەر كىشى خانلىق قىلىپ ئۆتۈپتۇ. ھەر بىر قەبىلىنىڭ بەزىلىرى بولسا يەتتە ـ سەكسىز، بەزىلىرى ئىككى ـ ئۈچ يۈز يىل، بەزىلىرى يىگىرمە ـ ئوتتۇز يىل ئەتراپىدا ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. مەسىلەن، يىگىرمە ئىككىنچى سۇلالىدىن زۇڭ سالىس (زۇڭ ئۈچىنچى ـ ت) ئەۋلادى پادىشا تەيزۇ شېڭدى بولسا ئون يەتتە يىل خانلىق قىلدى. بۇ ئابباسىيە خەلىپىلىگى خەلىپە قادىر بىللا (60) بىلەن زامانداش ئىدى. بۇ ئەۋلاتتىن ئون سەكسىز نەپەر كىشى ئۈچ يۈز يىگىرمە بىر يىل خانلىق قىلدى. ئاخىرى جۇۋادى شېڭدى خۇاڭدى تەختكە چىقىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، موغۇل خانلىرىدىن قۇبىلايخان بىننى تۇلىيخان بىننى چىڭگىزخان زور قوشۇن باشلاپ، بېيىجىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ جاينى تامامەن غەلىبىلىك بېسىۋالدى. پادىشا جۇۋادى شېڭدى قۇبىلايخانغا تەڭ كېلەلمەي بىر جايغا يوشۇرۇندى. كېيىنچە ئۆزىنى يوق قىلدى.

بېيجىڭ ئەھلى قۇبىلايخاننى ”ئەيۋاڭ“ دەپ ئاتىدى. بۇ يىگىرمە ئۈچىنچى سۇلالىنى تەشكىللەپ، بېيجىڭنى پايتەخت قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئون بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئادالەتلىك ئىشلارنى قىلدى ۋە بارلىق چىن ئۆلكىلىرىنى زەپت قىلىپ قولغا كىرگۈزۈپ، بۇ جايلاردا ئۆز ھۆكۈمرانلىغىنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ”ئەيۋاڭ ئەۋلادى“ دەپ ئاتالدى. شۇنداق قىلىپ، ئەيۋاڭ ئەۋلادىدىن توققۇز كىشى سەكسەن يىل خان بولۇپ ئۆتتى.

يىگىرمە تۆتىنچى سۇلالىگە كەلگەندە، مىڭ ئەۋلادى تەي زۇڭ خۇاڭدى باش كۆتۈرۈپ خان بولدى. بۇ خاننىڭ ناھايىتى كۈچەيگەن ۋاقتى، ئەمىر تېمۇر كوراگانى دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا چاغلىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۇرۇقدىن ئون يەتتە نەپەر كىشى ئىككى يۈز يەتمىش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. لېكىن، ئۇلار موغۇل خانلىرىغا باش ئېگىپ خىزمەت قىلاتتى. ئاخىرى موغۇللار بىلەن تاتارلار ئىتتىپاقلىشىپ، بېيجىڭ شەھىرىنى بېسىۋېلىپ، موغۇل ئەۋلادى ۋە مانجۇ نەسلىدىن بولغان شۇنجى تەي زۇڭ دېگەن كىشىگە تاج سەلەتەنەت كىيدۈرۈپ، بېيجىڭدە تەختكە ئولتۇرغۇزدى. تا ھازىرغىچە بولغان خانلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئۇرۇققا مەنسۇپ. بۇ تايىپە ”داچىڭ“ دەپ ئاتالدى. خىتايلارنىڭ «كاڭ جاڭ» دېگەن خانلار تارىخىدا، يىگىرمە بەشىنچى سۇلالىنى تەشكىل قىلغان داچىڭ ئەۋلادى شۇنجىردىن باشلاپ، ھازىرقى ئەسىردىكى گۇاڭشۈي خانغىچە بولغان ئارىلىقتا، توققۇز نەپەر كىشى ئىككى يۈز ئاتمىش ئىككى يىل خانلىق قىلغانلىغى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. چۆچەكلىك موللا قۇربان ئەلى ھاجى ئەپەندى بۇ خانلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ قايسى مىللەتكە، قايسى مەزھەپكە مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى خىتاي تارىخىنى ياخشى بىلىدىغان دانىشمەن خىتاي موللىلىرىدىن سوراپ تەرجىمە قىلىپ، لۇۋاڭ يەنى ھەزرەت بىننى نۇھ زامانىدىن بۇ زامانغىچە ئۆتكەن ناملىرىنى، ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ يىگىرمە بەش سۇلالىنىڭ ھەر بىرىدە قانچە كىشى، قانچە ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىغىنى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى قاچان باشلىنىپ، قاچان ئاياقلاشقانلىغىنى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن نەچچە مىڭ يىل كېيىن ئۆتكەنلىگى، مۇھەممەت مۇستاپانىڭ ھىجرەتلىرىدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى ياكى كېيىن ئۆتكەنلىگى، دۇنياغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ قايسىبىرى قانداق ناملىق خانلار بىلەن زامانداش ۋە يانداش ئۆتكەنلىگى، قايسى پادىشا قاچان ۋە قايسى خاننىڭ ۋاقتىغا توغرا كەلگەنلىگىنى تەكشۈرۈپ، بېيجىڭ تارىخى بىلەن ئىسلام تارىخىنى سېلىشتۇرۇپ، كۆپ ۋاقىت تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ، بىر توپلام كىتاب يازغان ئىدى (63). مەنكى كەمىنە راقىم (قەلەم تەۋرەتكۈچى ـ ت) مەزكۇر كىتابتىن بىر قانچە سۆزنى تاللاپ ئېلىپ ئۆز كىتابىمغا كىرگۈزدۈم.

ئەمدى يەنە ئەسلى سۆزگە كېلەيلى، مەڭگۈ قاغان قۇبىلايخاننى شەرق تەرەپكە يولغا سالغاندىن كېيىن، يەنە ئۆز قېرىندىشى ھىلاكوخاننى بىر يۈز يىگىرمە مىڭ مۇكەممەل قوراللانغان قوشۇنغا قوماندان قىلىپ، غەرب تەرەپتىكى ئابباسىيە خەلىپىلىگىگە (64) يۈرۈش قىلىشقا يارلىق قىلدى. ھىلاكوخان ماۋارائۇننەھرى، (65) خۇراسان (66) قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىپ، مەلاھىدىلە، (ھەقىقىي دىن يولىدىن ئازغانلار ـ ت) مەملىكىتى ـــ قۇھىستانغا (67) بېرىپ، رۇكىنىدىن خۇرشاھنى (68) بوي سۇندۇرۇپ، ئىراق، ئەرەپ تەرەپلىرىگە يۈرۈش قىلدى، بۇ چاغدا مەۋلانە نەسىرىدىن تۇسى (69) دېگەن بىر ئالىم بار ئىدى. ھىلاكو ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە ئالدۇردى ئۇنىڭغا رەسەت (ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىش ئۆيى ـ ت) باغلاتقۇزۇپ، بۇنىڭغا ”زىججۇ ئىلخانىيە“ (ئىلخانىيە كالېندار ھېسابلاش ئورنى ـ ت) دەپ نام قويدى. ھىلاكو مەۋلانە نەسىرىدىن تۇسىغا نۇرغۇن ئىنئام تەقدىم قىلدى. يەنە ھەرقايسى شەھەردىكى موللا، فازىل، ئۆلىما ۋە ھۆكۈمالارنى ئالدۇرۇپ، قېشىدا تۇرغۇزۇپ، ئىنئام ئېھسانلارنى بېرىپ تۇراتتى. ھەتتا نىسارا (خىرىستىيان ـ ت) ۋە فەغفۇرچىنى دانالارنى ئالدۇرۇپ فۇرقانى مەجىد ۋە ئىنجىلنى ھەم بېيجىڭ ئەھلى پەيغەمبەر دەپ ئېتىقات قىلىدىغان شاكىمۇنى (شاكيا مۇنى ـ ت) تەرىپىدىن توپلاپ يېزىلغان «شىگۈۋىيە» دېگەن بىر ئاتاقلىق كىتابنى موغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلدۇردى. ھىلاكو گەرچە ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىپ، ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولالمىسىمۇ، لېكىن بىرنەچچە ئىشلارنى پەيدا قىلدى.

ئومۇمەن، ھىلاكوخان بىننى تۇلىيخان بىننى چىڭگىز قاغاننىڭ ۋەقە ھەم شۆھرەت، جەسارەتلىك ئىشلىرى كۆپ. بۇ جايدا پەقەت موغۇلىستان خانلىرىنىلا بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىغىمىز ئۈچۈن، ھىلاكوخان ۋە قۇبىلايخاننىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىغا تەپسىلىي توختالمايمىز. ھىلاكوخان ئىراق زېمىنىدىكى باغداتنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئابباسىيە خەلىپىلىگىنىڭ ئالتىنچى خەلىپىسى مۇستەئسىم بىللا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئاغزىغا ئالتۇن، كۈمۈشنى ئېرىتىپ قۇيۇپ ئۆلتۈردى، نەتىجىدە بەش يۈز يىگىرمە ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئابباسىيە خەلىپىلىگىنىڭ دۆلەت سەلەتەنىتى ۋە سولت ـ ھەشمەتلىرىنى تامامەن خۇددى چاڭ ـ توزاڭدەك بىت ـ چىت قىلىپ، بۇلاپ ـ تالاپ ۋەيران قىلدى. ئۇلارغا بۇنىڭدىنمۇ يامان قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ مەخپىي ۋە ئاشكارا مۈلۈك، غەزىنىلىرىگە، يۇرت ۋە مەملىكەتلىرىگە ئىگە بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇ ۋەقەلەر تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز ئەللىك يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1258 ـ يىلى ـ ت) يۈز بەرگەن ئىدى. ھىلاكوخان ئابباسىلار ئەۋلادى قايسى جايدا بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ تامامەن يوق قىلدى. ئىلگىرى ئابباسىيە خەلىپىلىرى ئۆز خەلىپىلىگىدىكى بىر قانچە مىڭ ئابباسىلارنى خەلىپىلىككە زىيان سالىدۇ ياكى خەلىپىلىك دەۋاسىنى قىلىدۇ دېگەن باھانىلەر بىلەن زىندان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىغان ئىدى. بەلكى ئۇلارنىڭ بىرنەچچىسى زىنداندىمۇ تۇغۇلۇپ، شۇ جايدا ئۆسكەن ئىدى. ھىلاكوخان ھەتتا ئۇلارنىمۇ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي يوق قىلدى. ئۇ ئەزەربەيجاننىڭ مىسىر، شام، ھەلەپ قاتارلىق زېمىن ۋە شەھەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بوي سۇندۇرۇپ ئۆز تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەزەربەيجان تەرەپكە يۈرۈش قىلدى. ئېران زېمىنىنى پايتەخت قىلىپ، توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، شۇ ئىراننىڭ ئۆزىدە ۋاپات بولدى.

ھىلاكوخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئاباقاخان تەختكە ئولتۇردى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاباقاخاننىڭ ئوغلى ئارغۇنخان تەختكە چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەتخان بىننى ھىلاكوخان تەختكە چىقتى. بۇ مۇسۇلمان، دىيانەتلىك ۋە دىندار بىر كىشى بولۇپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن بالايى ئالەمگە پەرۋاز قىلدى (ۋاپات بولدى ـ ت). ئاندىن كېيىن كەنجاتۇ بىننى ھىلاكوخان تەختكە چىقتى. ئىسلام شېرىپى يەنە رىۋاج تاپتى. ئاندىن بايدۇخان بىننى تاراغاي بىننى ھىلاكوخان تەختكە مىندى. بۇ تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ئىدى. بۇ چاغدا، ھېراتنىڭ ئۇلۇغ ئەمىرى نورۇز بىننى ئارغۇن ئاقانىڭ (ئاباقانىڭ ـ ت) تەشەببۇسى بىلەن غازانخان بىننى ئارغۇنخان خانلىققا كۆتۈرۈلدى. ئۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. يەنى ئىسلام دىنىنىڭ نۇر ـ شولىسى ئۇنىڭ پېشانىسىدە زاھىر ۋە ئاشكارا بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ئولجايتۇ سۇلتان مۇھەممەت خۇدابەندە خان بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى سۇلتان سەيىد غازى باھادۇرخان تەختتە ئولتۇرۇپ، ئون سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ھىجرى يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1335 ـــ 1336 ـ يىلى ـ ت) بۇ ئالەم خاكىداندىن (ئالەم يۈزىدىن ـ ت) ئۇ دۇنيانىڭ رىياز جاۋىدانىغا (ئەسلى جەننەت باغچىسىغا ـ ت) كەتتى. ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئوغلى يوق ئىدى. شۇڭلاشقا، ھەرقايسى يۇرتلارغا ئەۋەتىلگەن ئەمەلدارلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، بىر بىرىنىڭ ئەمىر ـ ئىتائىتىگە بوي سۇنماي، ھەر خىل مۈلكى تاۋايىپ (ئۆز ئۆزىگە تەۋەلىك دۆلەت ـ ت) پەيدا قىلدى.

ئومۇمەن گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، چىڭگىز قاغان خىتاي مەملىكىتىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى خانبالىقتىن، غەربتە مىسىر ۋە شام، شىمالدا قازان شەھىرى، جەنۇبتا سىند دەرياسى، تىبەت، ئۇيغۇرغىچە بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن جاھان تېمۇرخانغىچە بولغان ئارىلىقتا يىگىرمە بەش نەپەر كىشى بۇ دائىرە ئىچىدىكى مەملىكەتلەرگە بىر يۈز قىرىق سەكسىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. يەنە بۇنىڭ ئىچىدە چىڭگىز خاندىن باشلاپ ئۇنىڭ توققۇز نەپەر ئەۋلادى جەمئىي توقسان بەش يىل كاپىرلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىغا كىرمەي، موغۇل ـ قالماقلارنىڭ ياساق تۈزۈملىرىنى ساقلاپ، چوڭ شەھەرلەرگە ئالى ۋە مۇتەۋەللى بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلدى، بۇلاردىن كېيىنكىلەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ «ھەدىس»تە ”سۆھبەت ئادەمگە تەسىر قىلىدۇ“ دېگەن سۆزى بويىچە، مۇسۇلمانچىلىق شەرىپىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈم ۋە يارلىقلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرلۇق شەرىئەت ۋە گۈلدەك مىللەت ھۆكۈملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. كېيىنچە ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى مۈلكى تاۋايىپلارنى تىكلىگەن نويانلار، ئەمىر ـ ئۆمەرالار، ۋەزىر ـ ۋەزىرالاردىن شەيخ ئەبۇ ئىسھاق پارس مەملىكىتىگە، ئال مۇزەپپەر خۇراسان زېمىنىغا، ئەمىر چوپان بىننى ئەمىر تۈلەك تۇران، سۇلدۇز، رۇم تەۋەسى، دەمەشىق، شام ئەتراپىغا، ئەمىر ھەسەن بۇزرۇك بىننى ئەمىراق بۇقا بىننى ئەمىر ئىلكانى باھادۇر ئىراق تەرەپ ۋە باغداتتا ھۆكۈم سۈردى. ئىلكانى (71) پادىشالارنىڭ نەسەپلىرى ئەنە شۇلار بىلەن باغلىنىدۇ. بۇ ئەمىرائىلىلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ موغۇل نەسلى ۋە قالماق تايىپىسىگە تەئەللۇق ئىدى. بۇلار يەنە تارىختا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان دىندارلىغى، شەرىئەتپەرۋەرلىگى، ئىنسابپەرۋەرلىگى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىگى بىلەن مەشھۇر ئىدى.

موغۇل سۇلتانلىرى بۇ ئۇلۇغ مەملىكەتلەرگە ئىككى يۈز يىلغا قەدەر مۇستەقىل پادىشاھلىق قىلىپ، مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن چىڭگىزىيە ئەۋلادىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بۇ مەملىكەتلەردىن ئاياقلاشتى. لېكىن بۇ جەرياندا، چىڭگىزىيە ئەۋلادىنىڭ خاننىڭ قىرغىنچىلىغى ھەم ۋەيرانچىلىغى تۈپەيلىدىن (ئاللاھدىن) باشقا، ئادەملەرنىڭ سانىغا غايىپنى بىلگۈچى (ئاللاھدىن) باشقا، ھېچقانداق ئاقىللارنىڭ ئەقلى تەسەۋۋۇرى ۋە ھۆكۈمالارنىڭ پىكىر ۋە تەپەككۈرى يېتەلمەيدۇ. ئەگەر بىرەر كىشى بۇ ئەھۋاللارنى بىلىشنى خالىسا «تارىخى رەۋزە تۇسسافا»غا مۇراجىئەت قىلسۇن. لېكىن چىڭگىزىيە ئەۋلادىنىڭ موغۇلىستانغا بولغان ھۆكۈمرانلىغى تاكى تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ (72) نەسلىدىن ئىسمائىل خان (73) ۋە مۇھەممەت ئىمىن خانلار (74) دەۋرىگىچە، يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ بىر يۈز يىگىرمىنچى يىلغىچە (مىلادى 1708 ـــ يىلغىچە) داۋاملاشتى. (75) شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بۇ جايدىكى ھۆكۈمرانلىغىمۇ ئاياقلاشتى. لېكىن، بەزىلەر دەشتى قىپچاق، تۈركىستان ۋە ئورۇسىيە تەۋەسىدىكى كەڭ بۇلۇڭلار ۋە قالماقلار، فەغفۇرچىنغا تەۋە ئايال خانلار ۋە قىلىق قىلىپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك ئەمىرالارنىمۇ چىڭگىز ئەۋلادىغا مەنسۇپ دەپ ھېكايە قىلىدۇ.

قىسسە ۋە ھېكايىلەرگە ئاساسلانغاندا، تارىخ ھىجرىنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1335 ـــ 1336 ـ يىلى) سۇلتان سەئىد باھادۇرخان (76) ۋاپات بولدى. شۇ يىلى ئەمىر تېمۇر كوراگانى ۋۇجۇتقا كەلدى، تارىخ ھىجرى يەتتە يۈز يەتمىش بىرىنچى يىلى (مىلادى 1369 ـــ 1370 ـ يىلى) بەلخىدە تەخت سەلەتەنىتىگە ئولتۇردى. ماۋارائۇننەھرى، ئىران، تۇران، پارس، باغدات، رۇم، مىسىر، شام، دەمەشىق، ھەتتا ھەمىس بەئەلپىك، ئاناتولى، ئىسپاھانغىچە، جەنۇبىي چېگراسى ھىندىستان، شىمالىي چېگراسى تۈركىستان، قازان شەھىرىگىچە بولغان رۇبئى مەسكۇننىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا كىرگۈزۈپ، بۇ جايلاردىكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇۋالغان ھۆكۈمرانلارنى يوق قىلىپ، ھەممىنى بىر مەركەزگە ياكى بىر دىۋانغا بوي سۇندۇردى.

ئەمىر تېمۇر كوراگانىنىڭ نەسلى چىڭگىز قاغاننىڭ ئەجداتلىرى ياكى قالماقلار ئەۋلادى بىلەن بىر ئىدى، يەنى ئەمىر تېمۇرنىڭ دادىسى ئەمىر تاراغاي، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر بۈركەل، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئىيلەنگىز نويان باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئىيچىل باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر قاراچار نويان باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر سۇغۇنچىن باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئىرۇمچىن بارلاس باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى قاچۇلى باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى دۇمنايخان ئىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگانىنىڭ سەككىزىنچى دادىسى بىلەن چىڭگىز قاغاننىڭ تۆتىنچى دادىسى بىر تۇققان ئىدى. فارامىن ھۆكۈمى بويىچە خانلىق قۇبۇل خانغا، ۋەزىرلىك قاچۇلىغا تەيىن بولغانلىغى ئۈچۈن، ئەمىر تېمۇر كوراگانى گەرچە ھەر قانچە ئۇلۇغ پادىشاھلىق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خانغا ۋەزىرلىك ياكى خىزمەتكارلىق ۋە ۋەكىللىك جەرەگە (دەرىجە ـ ت) سىدە تۇراتتى، فارامىننىڭ ھۆكۈملىرىگە باشقىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمەيتتى. ھەتتا بىر قانچە ئەۋلاتقىچە شۇ تەرتىپتە ئۆتتى، ئۆزلىرىگە خان ياكى پادىشا دەپ لەقەپ قويالمىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگانىنىڭ پايتەختى سەمەرقەنت شەھىرى ئىدى.

بۇ چاغدا ئەمىر تېمۇر كوراگانى توقسان مىڭ لەشكەر باشلاپ دەشتى قىپچاق خانلىرىدىن توقتامىش خاننىڭ (77) ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ، جەڭ ۋە قىرغىنچىلىق باشلىدى. ئۇ، توقتامىش خاننى قوغلاپ بىر جايغا باردى. بۇ جايدا تومۇز ئايلىرى كۈن ئولتۇرۇپ شەپەق يوقالغىچە قالمايلا دېگۈدەك سۈبھى تاڭ يورۇپ قالاتتى. بۇ جايدا ھەزرىتى ئىمامى ئەزەمنىڭ (78) مەزھەپلىرى بويىچە ناماز خۇپتەننى ئوقۇمىسىمۇ بولاتتى. ئەمىر تېمۇر كوراگانى بۇ جاينىمۇ بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن، دەمەشىق، شام، ئىسپاھان قاتارلىق جايلارنىمۇ ئېگىلەپ قىرغىنچىلىق ۋە ئېيىتىپ تۈگەتكۈسىز تالان ـ تاراجلارنى قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستان شەھەرلىرىنىمۇ ئۆزىگە قاراتتى. ئۇ ئۆزىگە تەۋە بولغان بۇ جايلارغا ئوتتۇز ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۆزىنى غالىپ ۋە مەغرۇر دەپ ھېسابلايدىغان بارلىق پادىشالار ۋە ئەمىرائىلىلەرنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. تارىخىي كىتابلاردا ئەمىر تېمۇر كوراگانى ”1 لىم“ (ئەبجەدچە يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە 71 ياشقا توغرا كېلىدۇ ـ ت) يېشىغا يېتىپ، تارىخ ھىجرى سەكسىز يۈز يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1404 ـــ 1405 ـ يىلى) ۋاپات بولدى ۋە سەمەرقەنت شەھىرىدە دەپنە قىلىندى دەپ يازىدۇ. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەنى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرى ئاخىر زامان (ئاخىرقى پەيغەمبەر ـ ت) زامانىدىن باشلاپ تا بۇ دەۋرگە يەتكىچە، موغۇل خانلىرى ئىچىدە ئەمىر تېمۇر كوراگانىدەك مۇسۇلمان دىندار، ئۇلۇغ ۋە كاتتا پادىشا ئۆتمىگەن، ئۇ ناھايىتى شىجائەتلىك (باتۇر ـ ت)، كۈرەشچان، قەھرى قاتتىق، تېز غەزەپلىك بىر پادىشا ئىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە جەسۇرلۇق بىلەن كەچپىياتچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن پادىشا ئىدى. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، ئۇلۇغ ۋە ئەزىز باھاۋۇددىن نەقىشبەندىنىڭ (79) نەۋرىلىرىدىن ”تېمۇر ئۆلۈپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ئىمانىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتتى“ دېگەن ئاۋاز چىققان ئىدى. ئەۋلىيالارنىڭ سۆزى ـــ خۇدانىڭ سۆزىدۇر. ئەمىر تېمۇر كوراگانىنىڭ مۇبارەك زامانلىرىدا، ئەمىر سەيىد ئەلى بىننى مۇھەممەت ئەلھەمدانى، (80) باھاۋۇددىن نەقىشەبەندى، خوجا ھاپىز شىرازى، (81) ئەللامە تەفتازانى (82) ۋە مىر سەيىد شەرەف ئەللامە جۇرجانى (83) قاتارلىق ئەھلى پەزىل، ئۆلىمايى ئىزام ۋە ماشايىخى كىرامـلار نۇرغۇن ئىدى دېگەن مەلۇماتلار بار.

لېكىن، دەمەشىق، شام، رۇم، بارلىق ئەرەبىستان، باغدات، ھەلەپ ئەھلىنىڭ ئۇلۇغ ئۆلىمالىرى، ئەرەپ تارىخچىلىرى (ئاللا ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى پاك قىلسۇن)، يەنى ”تارىخى ئىمام گەردىرى“ (84)، ”تارىخى ئەللامە ئىبنى خەلدۇن“ (85)، ”تارىخى ئىبنى ئەرەبشاھ“ (86) ”تارىخى بۇخارى“ (87) قاتارلىق ئەرەپچە تارىخ كىتابلىرىنىڭ مۇئەللىپلىرى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەرەپچە تارىخ كىتابلىرىدا، ئەمىر تېمۇر كوراگانىنى ئەھلى ئىسلامنىڭ مەزھەپ ۋە مىللەتلىرىدىن سىرتتا دەپ ھېسابلاپ، ئۇنى شىئە مەزھىبىدە ياكى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى ئەمىر تېمۇرنىڭ ھەممە جەڭ ـ جىدەللىرى ئىسلام دىيارى بىلەن بولۇپ، ئۇ ئاساسەن بۇ رايونلاردىكى ئۆلىمايى ئاكابىرلارنى قىرغىن قىلغان ئىدى. بۇ ھال ئۇنىڭ زالىملار ئىچىدىكى ئەڭ يامان زالىم ۋە پاسىقلار ئىچىدىكى ئەڭ يامان پاسىق تەبىئىتىنى ئىپادىلەيدىغان دەلىل ۋە ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمىر تېمۇر شامنى بوي سۇندۇرۇپ، دەمەشىقنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىرغىنچىلىق باشلىغان چاغدا، ”ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر بىرى ئىككى نەپەر مۇسۇلماننىڭ بېشىنى كېسىپ كېلىپ، مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزسۇن“ دەپ يارلىق قىلدى ۋە بۇ جاينى ناھايىتى ئېغىر خاراپ ۋە ۋەيران قىلدى، بۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىن بىر يۈز يىگىرمە تۆت ”كەللە مۇنارە“ ياساتتى. ھەر بىر ”كەللە مۇنارە“ توققۇز مىڭ ئادەمنىڭ بېشىدىن تەييار بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن رۇم تەۋەسىدىكى ئاناتولىنى بېسىۋېلىپ، پادىشا يىلدىرىم بايزىدنى (88) يېڭىپ، ئۆز نامىغا پۇل سوقتۇرۇپ، خۇتبىنى ئۆز نامىغا ئوقۇتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسپاھاننىڭ بارلىق ئەر ۋە ئاياللىرىنى، ھەتتا ياش ۋە قېرىلىرىنى تامامەن يوق قىلىشقا يارلىق قىلدى. ھەددى ـ ھېسابسىز پاك ۋە نارىسىدە قىز ـ ئوغۇللار، ياش ـ قېرىلار ئۇنىڭ تىغ سىياسىتىدىن ئۆتتى.

بۇ چاغدا، زامان پازىللىرىنىڭ بىرى ئەمىر تېمۇرنىڭ بىر يېقىن ئەمىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ”پادىشا ئالى جانابلىرىدىن شۇنى ئۈمىت قىلىمىزكى، بۇ نارىسىدىلەرنىڭ ھېچقانداق ئىشتىن خەۋىرى يوق. بۇ مەھرۇم بىگۇناھلارغا شاھانە ئىلتىپات قىلىپ، رەھىم ـ شەپقەت قىلىشنى سوراپ، ئەرز قىلدۇق. بۇنى يەتكۈزۈپ قويۇشلىرىنى سورايـمىز“ دەپ ئىلتىماس قىلدى. ئارىدا ۋاستىچىلىق قىلغان بۇ ئەمىر مۇلايىم ۋە شېرىن سۆزلەر بىلەن بۇ نارىسىدىلەرنىڭ قانلىرى بىكار زايە بولۇپ كەتمىسە دەپ ئەرزنى يەتكۈزدى. لېكىن ئەمىر تېمۇر بۇنىڭغا ئىلتىپات قىلمىدى. ئۆزىنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ تۇرغان ئەسكەرلىرىگە يارلىق قىلىپ، پادىشادىن تەقەززالىق بىلەن مەرھەمەت كۈتۈپ تۇرغان نەچچە مىڭلىغان پاك قىز ـ ئوغۇللارنى باستۇرۇپ قىلدى. بۇ بىگۇنا نارىسىدىلەرنىڭ ھەممىسى ئات ئايىغىدا يوق بولدى. ئەمىر تېمۇرنىڭ رەھىمسىز ۋە تاش يۈرەك بىر ئىنسان ئىكەنلىگى ئەنە شۇنىڭدىن ئوچۇق بىلگىلى بولىدۇ.

مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھى ھەدىسلىرىنى بايان قىلغان ئالتە كىتابتا ”تۈرك تايىپىلىرىنىڭ كۆزلىرى كىچىك، بۇرۇنلىرى ياپىلاق، يۈزلىرى كەڭ تاۋاققا ۋە ئىككى مەڭزىگە بىر نەرسە يېپىشتۇرۇپ قويغاندەك ئىگىز بولىدۇ“ دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇنداق ئوخشىتىش، موغۇل پادىشالىرى ۋە قەبىلە ـ قەۋملىرىنىڭ شەكلىگە ماس كېلىدۇ. بۇ سۆز رەسۇلۇللا كېرەم سەللەللاھۇ ۋەسىللەمنىڭ مۆجىزىلىرىدىندۇر. ئاللاتائالانىڭ ”قۇرئان“ كېرىمىدىكى ”ئۇل پەيغەمبەر يالغاننى سۆزلىمەيدۇ، ئاللاھدىن ۋەھى قىلىنغان ۋەھىنى سۆزلەيدۇ“ دېگەن ئايىتىدە رەسۇلى ئەكرەمنىڭ راست سۆزلەيدىغانلىغى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ھېچقانداق پادىشا ئىسلام رايونلىرىنى چىڭگىزخان، ھىلاكو ۋە ئەمىر تېمۈردەك ئۇرۇش ـ جىدەل قىلىپ ۋەيران قىلمىغان ئىدى. ئەمىر تېمۇر شام ۋە دەمەشىقنى مۇھاسىرە قىلىپ، ئادەملىرىگە قىرغىنچىلىق سېلىشنى قەست قىلدى. «ھەسەنۇ ھۈسەيىن» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئىمام جەزىرى (89) بىر يوشۇرۇن جايغا قېچىپ بېرىپ، «ھەسەنۇ ھۈسەيىن» دېگەن كىتابنى يازدى ۋە جانابى سەيىدۇلمۇرسەلىن (مۇھەممەت پەيغەمبەر ـ ت)دىن مەدەت ۋە ئۈمىت كۈتۈپ «ھەدىس»تە كەلتۈرۈلگەن دۇئالارنى ئوقۇش بىلەن شۇغۇللاندى. دەمەشىقنىڭ ھەممە مۇسۇلمانلىرى بولسا دەرۋازىلارنى تاش بىلەن مەھكەم بېكىتىپ يىغا ـ زارە بىلەن قاخشايدى. «ھەسەنۇ ھۈسەيىن»نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شۇ ھالەتتە ئىمام جەزىرى ئاللانىڭ ئۇلۇغ ئەلچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ باشپاناھى مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسىللەمنى چۈشىدە كۆرۈپ، ”يارەسۇلۇللا، بۇ دۈشمەنلەر بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن غەلىبە قىلدى، بىز ئۈممەتلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلماملا“ دەپ ئىلتىماس قىلغاندا، پەيغەمبىرىم ئىككى قولىنى قولتۇغىدىكى ئاق بەدىنى كۆرۈنگىچە ناھايىتى ئىگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. دۈشمەنلەر ئۈچ كۈن ئۆتمەستىنلا شامنىڭ مۇھاسىرىسىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى. مۇسۇلمانلاردا شادى ـ خۇراملىق پەيدا بولدى.

يەنە ئەللامە سىيۇتى (90) دېگەن ئالىم ئەمىر تېمۇرنىڭ بۇ ئىشلىرى ئۇنىڭ دىنى ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلغانلىغىنىڭ دەلىلى ۋە ئىشارىتى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، پەيغەمبەر قوللىرىنى كۆتۈرۈپ بۇ تايىپىلەر ھەققىدە دۇئا قىلمىغان بولار ئىدى، چۈنكى، شەرىئەتتە مۇسۇلماننىڭ زىيىنى ئۈچۈن دۇئا قىلىش توغرا ئەمەس ئىدى دەپ مۇلاھىزە قىلىپ كېلىپ، ”تارىخ ھىجرى سەكسىز يۈز سەكسىزىنچى يىلى (مىلادى 1405 ـــ 1406 ـ يىلى ـ ت) ئىسلام دىنىغا ئاسىلىق قىلغۇچى تېمۇر لەڭ ئۆلدى، جەھەننەمگە كەتتى ۋە ئاخىرەتلىگى يامان بولدى، دەپ بايان قىلىدۇ. ماۋارائۇننەھرىدىكى ئۇلۇغ ئۆلىمالاردىن تۆت يۈز كىشىمۇ بۇ مۇلاھىزىلەرگە قوشۇلىدۇ دېگەن گەپلەرمۇ بار. بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىغى پەقەت ھەقىقىي ئىلىم ئىگىسى بولغان ئاللانىڭ ئۆزىگە مەلۇم بولۇپ، ئاللا ئۇنى ئۆز ئىلىمى قەدىمى (قۇرئان) بىلەنلا بىلەلەيدۇ.

«مۇنتەخەبۇتتاۋارىخ» دېگەن كىتابنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئەمىر تېمۇر تارىخ ھىجرى يەتتە يۈز يەتمىش بىرىنچى يىلى (مىلادى 1369 ـــ 1370 ـ يىلى ـ ت) تەختى سەلەتەنەتكە چىققان. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن ئون سەكسىز كىشى جەمئىي بىر يۈز ئاتمىش يىلچە ئەمىر تېمۇر ئىگىلىگەن مەملىكەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۇلالە مۇنقەرىز بولغان. تېمۇرىيەلەردىن كېيىن ئۆزبېك قەبىلىسىگە ۋە جۇجى نەسلىگە مەنسۇپ بولغان مۇھەممەتخان شەيبانى (91) بۇ جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى.

ئەمدى ئۆزبېك شەيبانىنىڭ بايانىغا كەلسەك، چىڭگىز قاغاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى جۇجى خاننىڭ ئون ئوغلى بار ئىدى. ئالتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى شەيبانى ئىدى. شەيبانىنىڭ ئوتتۇزىنچى نەۋرىسىگە ”ئۆزبېك“ دەپ ئات قويدى. بۇ بالاغەتكە يېتىپ، چوڭ بولۇپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە ئىگە بولۇپ، فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارائۇننەھرنى ئىستىلا قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ مۇسۇلمانچىلىق، مۆمىنچىلىك، ئىنسابپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرۋەرلىك، پۇقراپەرۋەرلىكتە باشقا تەڭدىشى يوق ئىدى. شۇ ھالەتتە، ئۇ ئەللىك تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. پۇقرالار ئاممىسىدا ناھايىتى پاراۋانلىق، تىنچ تۇرمۇش پەيدا بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلق ئىچىدە ”ئۆزبېك“ دېگەن نام باقى قالدى. لېكىن مۇھەممەتخان شەيبانى بىننى جۇجى خان نەسلىدىن بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۆزىگە شەيبانى دەپ تەخەللۇس قويدى. پۈتۈن ئۆزبېكلەر يۇقىرىدىكى ئۆزبېك خانغا تەئەللۇق قەبىلىلەردىن بولغاچقا، ”ئۆزبېك“ تايىپىسى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى دېگەن مەلۇماتلار بار.

ئەمىر تېمۇر كوراگانى سەلەتەنەت ئۈستىدە تۇرغان چاغدا، ئۇنىڭ تۆت ئوغلى بار ئىدى. تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى جاھانگىر مىرزا ئىدى. بۇ ئەمىر تېمۇر تەختكە چىققان يىلى ۋاپات بولدى، ئىككىنچى ئوغلى ئۆمەر شەيخ باھادۇر بولۇپ، بۇنىڭغا پارس مەملىكىتىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. بومۇ ئەمىر تېمۇرنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇرۇشتا ئوق تېگىپ ئۆلگەن ئىدى. ئۈچىنچى ئوغلى مىرانشاھ مىرزا ئىدى. بۇنىڭغا ئىراقى ئەجەم (92) ئىراقى ئەرەپ (93) ۋە شامغىچە بولغان رايونلارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. تۆتىنچى ئوغلى شاھرۇھ مىرزا بولۇپ، خۇراسان دۆلىتى بۇنىڭغا تەئەللۇق ئىدى، بۇ دادىسى بېسىۋالغان مەملىكەتلەرگە دادىسىغا ۋاكالىتەن ئالتىنچى يىل ۋە ئۆزى قىرىق ئىككى يىل مۇستەقىل پادىشاھلىق قىلىپ، ئادالەتلىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۆلىما ۋە فازىللارغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئۇلۇغ بەك شاھرۇھقا ۋارىسلىق قىلىپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلدى. بۇ دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا سەمەرقەنتكە ھاكىم ئىدى. پادىشالار ئىچىدە مىرزا ئۇلۇغ بەكتەك موللا، فازىل ۋە ئۆلىما ئادەم ئۆتمىگەن ئىدى. مىرزا ئۇلۇغ بەك «جامىئۇل رەمۇز» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى مەۋلانە شەمىسدىن مۇھەممەت (94) بىلەن ھەمدەرس ـ ساۋاقداش ئىدى دېگەن گەپلەرمۇ بار. ئۇ ھەرقانداق پەنگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ۋە ھەممە پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تولۇق بىلىملىك بىر ئالىم ئىدى، ئۇ سانسىز مۇھەندىس (گېئومېتىرىيە ئالىمى ـ ت)، ئەختەر ـ شۇناس (ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ ئالىمى ـ ت) ۋە كىتاب يازغۇچىلارنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاسماندا كېزىپ يۈرگەن سەييارىلەرنىڭ شەكلى، قىياپىتى، ئىگىز ـ پەس ھەرىكەتلىرى، چوڭ ۋە كىچىكلىگى، ياخشىلىق ئالامەتلىرى، يامان سائەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپ ۋە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىپ رەسەت (ئوبسېرۋاتورىيە ـ ت) باغلاتقۇزدى. بۇ رەسەتكە ”زىججۇ كوراگانى“ (كوراگانى كالېندارخانىسى ـ ت) دەپ ئات قويدى. بۇ جايدا ئىشلەيدىغان ئالىملارغا ھەددى ـ ھېسابسىز ئىنئام ۋە مۇكاپات تەقدىم قىلدى.

بۇ چاغدا مىرزا ئۇلۇغ بەك ئۆز ئورنىغا ئوغلى ئابدۇللەتىپ مىرزىنى قويۇپ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئىراق تەرەپكە ئاتلاندى، بۇ ئۇرۇش ئىككى يىلدا ئاخىرلاشتى. بۇ مەزگىل ئىچىدە ئابدۇللەتىپ مىرزا دۆلەتنىڭ بايلىغى ۋە ھۆكۈمرانلىق ئابرويىغا ئىگە بولۇشنى نىيەت قىلىپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمرانلىق غۇرۇرى ئۇنىڭ دىمىغىنى بۇزۇپ، دادىسىدىن تەختنى تارتىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پادىشاھلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. لەشكەر تەييارلاپ دادىسىنىڭ ئالدىنى توساپ، جەڭ ـ ماجىرا باشلىدى، نەتىجىدە، دادىسىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۇنى ھەپىسىگە (تۈرمىگە ـ ت) تاشلىدى. ئۇنىڭ لەشكەر، ئوچۇق ـ ئاشكارا غەزىنىلىرىگە ئىگە بولۇپ، ”شەرىئەتنىڭ توغرا ھۆكۈملىرىدىن يوشۇرۇن ئىش قىلمايمەن. شەرىئەت قائىدىلىرىگە تاجاۋۇز ـ خىلاپلىق قىلمايمەن، شەرىئەت قائىدىلىرىگە دادام بىلەن بالام خىلاپلىق قىلىدىغان بولسا، ئۇلارغىمۇ يۈز ـ خاتىر قىلمايمەن“ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆز ھۆكۈمىنى جارى قىلدى.

بۇ چاغدا، ئابباس دېگەن بىر ئادەم مېنىڭ دادامنى ئۇلۇغ بەك سەۋەپسىز ۋە بىگۇنا ئۆلتۈرگەن ئىدى دەپ ئەرز قىلدى. ئابدۇللەتىپ مىرزا بۇ ئىشنى شەرىئەتكە بۇيرۇپ، دادىسىنى قىساسقا لايىق پەتۋا ئېلىپ، پەتۋانىڭ مەزمۇنىنى دادىسىغا مەلۇم قىلىپ، دادىسىنىڭ قىساسىنى ئال دەپ ئابباسقا بۇيرۇق قىلدى ۋە ئۇنى بىر كېچىدە مەخپىي جايغا ئېلىپ بېرىپ ئۆلتۈردى. تارىخچىلار ئەھلى ئۆزىنىڭ تارىخ ۋاراقلىرىدا بۇنى ”ئابباس ئۆلتۈرگەن“ دەپ يازىدۇ. ئالتىنچى ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇللەتىپ مىرزىمۇ ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

مىرزا ئۇلۇغ بەك زامانىدا، ئۆۋەيس خاننىڭ (95) ئوغلى يۇنۇسخان دېگەن كىشى ئۇرۇشتا ئولجىغا چۈشۈپ، شىرازغا ئەۋەتىلىپ، مۇساپىرچىلىق تۇرمۇشقا تاشلانغان ئىدى. ئۇ شىرازدا ئىلمىي كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كامالەتكە يېتىپ، ”ئۇستا يۇنۇس“ دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازاندى. ئارىدا ئوتتۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا (96) بىننى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا بىننى مىرانشاھ مىرزا بىننى ئەمىر تېمۇر كوراگانى ئۆزىگە ۋارىس كەلگەندە، سۇلتان ئەبۇ سەئىد شىرازغا كىشى ئەۋەتىپ، يۇنۇسخاننى ئالدۇرۇپ، سەمەرقىنتتىكى ”باغى زاغان“ (قاغىلار بېغى ـ ت) دېگەن جايدىكى بىر تەختتە ئولتۇرغۇزۇپ، جەمىقەپىلىرىنى ئارىغا قويدى. ئۇ سۆز ئارىلاپ ”مېنى خىزمەتكار ۋە نۆكەر قاتارىدا كۆرمەي، دوست دەپ بىلىسىلە، ئۆزلىرىنى پۇقرالىق كۈچىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا خان قىلىپ ئەۋەتتىم. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە لەشكەر تارتمىسىلا“ دەپ موغۇل قەۋملىرىدىن ياراق ۋە ئات ـ ئۇلاقلار بىلەن مۇكەممەل قوراللانغان ئون ئىككى مىڭ لەشكەرنى ھەمرا قىلىپ، موغۇلىستانغا يولغا سالدى، ئۇ يۇنۇسخاننى ئۇزىتىۋېتىپ، يەنە ”مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا بىر پادىشا، بابام ئەمىر تېمۇر كوراگانى دەۋرىدىمۇ بىرەر خاننى نەزەربەنت تەرىقىسىدە ساقلاپ، ئۇنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەكلىرىنى تەييارلاپ بېرىدىكەن، يارلىق ـ نىشانلارغىمۇ بۇ پالان خاننىڭ يارلىغى، ئەمىر كەبىر تېمۇر كوراگاننىڭ سۆزى، دەپ يېزىلىدىكەن. ئەگەر شۇنداق قىلمىسا مەملىكەت ئەييانلىرى ئۇنىڭغا بوي سۇنمايدىكەن“ دەپ ئەسكەرتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئەھۋال دەل بۇ سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا زامانىغىچە دەستۇر ـ تۈزۈم بولۇپ كەلدى. نەتىجىدە، سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا يۇنۇسخان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. يۇنۇسخانمۇ ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر قىزىنى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ ئوغلى ئۆمەر شەيخ مىرزىغا ئەقدىدە (ياتلىق ـ ت) قىلدى. بۇلاردىن زاھىرىدىن مۇھەممەت بابۇر شاھ ۋۇجۇتقا كەلدى، بابۇر شاھنىڭ ۋەقەلىرىنى كېيىنچە بايان قىلىشىم مۇمكىن.

سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا بولسا غەيرەت ـ شىجائەت، ھىممەت ۋە ساخاۋەتلىك بەخشەندە قىلىنغان بىر پادىشا ئىدى، ئۇنىڭ ھىممەتلىرى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، بەزىلەر خۇددى بۇ ئالەمگە بىر كەم خۇدا (بىرلا ھۆكۈمران ـ ت) كۆپايە قىلغىنىدەك، يەر يۈزىدىكى بارلىق زېمىنغا ئىككى پادىشا ھاجەت ئەمەس، بەلكى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىدەك بىرلا پادىشا كۆپايە قىلىدۇ دەيتتى. ئۇ تېمۇرىيە تەختى ۋە مەملىكىتىگە ئون ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوغلى ئۆمەر شەيخ مىرزا فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارائۇننەھرى مەملىكەتلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا قانائەتلىنىپ، يىگىرمە يەتتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىنىسى مۇھەممەت مىرزا تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزبېك تايىپىلىرى ئىستىلا قىلىپ، فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارائۇننەھرگە ئىگە بولدى.

سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا زامانىدا، سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىننى مىرزا بايقارا بىننى ئۆمەر شەيخ باھادۇر بىننى ئەمىر تېمۇر كوراگانى خۇراسان مەملىكىتىگە ھاكىم ئىدى، بۇ چاغدا تېمۇرىيە تەختى سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىغا قارار تاپتى ۋە ھېراتنى پايتەخت قىلدى. ئىراق، ئەجەم، ئىسپاھان، پارس، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردىكى تۆت يۈز قىرىق تۆت چوڭ شەھەرنى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىغا ۋاكالىتەن سەكسىز يىل ۋە ئۆزى مۇستەقىل ئوتتۇز سەكسىز يىل پادىشاھلىق قىلىپ ھۆكۈم سۈردى. بۇنىڭ دەۋرىدە بىر قانچە فازىل يازغۇچىلار، ئۆلىمالار، شائىرلار جەم بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. مەۋلانە ھۈسەيىن ۋائىز كاشفى، (97) مەۋلانا مۇئىنىدىن، (98) مەۋلۇي جامى (99) قاتارلىق مۇھەققىق ئۆلىمالار ھېسابتىن تاشقىرى كۆپ ئىدى. بۇلارنى تەرىپلەشكە ۋە تەسۋىرلەشكە تىل يەتمەيدۇ. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا يەتمىش ئىككى يىل ياشىدى، تارىخ ھىجرى توققۇز يۈز ئون ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1507 ـــ 1508 ـ يىلى ـ ت) بۇ ئالەمدىن ئۇ ئالەمگە ئۇچۇپ كەتتى. تارىخچىلار ئەھلى ”خۇراسان“ (ئەبجەت ھېسابى بويىچە ھىجرى 912 ـ يىلى ـ ت) دېگەن سۆزنى ئالاھىدە ئۇنىڭ ۋاپات بولغان يىلىغا تەخەللۇت قىلىپ يازىدىكەن.

ئۇنىڭدىن ئون بىر ئوغۇل يادىكار قالدى، ئۇنىڭ بەدىئۆز زامان ۋە مىرزا مۇھسىن دېگەن ئىككى ئوغلى شېرىك پادىشاھلىق قىلدى. ”قارشىمۇ ـ قارشى ئىككى نەرسە بىر ئورۇندا تۇرالمايدۇ“ دېگەندەك، ئۇلارنىڭ شېرىك ھۆكۈمرانلىغىمۇ بۇزۇلدى. ئەمىرلەرمۇ ئىككى پىرقىگە بۆلۈندى. بۇ ھال مەملىكەت نىزامى ھەم قائىدە ـ تۈزۈملىرىدە سۇسلىق ۋە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلدى. نەتىجىدە جۇجى خاندىن بۆلۈنۈپ چىققان خانلار نەسلىدىن بولغان ئۆزبېك خان ئەۋلادى مۇھەممەت شاھبەخت خان ياكى شاھى بەك خان ۋە ياكى مۇھەممەتخان شەيبانى دېگەن ھەر خىل لەقەپ ـ نامـلار بىلەن ئاتىلىدىغان ۋە ئەسلىدە مۇھەممەتخان شەيبانى بىننى شاھى بەداغ بىننى ئابۇلخەيىر خان بىننى توختامىش خان دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئادەم خۇراساننى ئىستىلا قىلىپ، دۆلىتىنى يوق قىلدى، بۇ ئۆزبېكىيە ۋە دەشتى قىپچاقىيەلەر دۆلىتىنىڭ غەزىنىبايلىغىغا، ئەسكەرلىرىگە، يەر ـ زېمىنىغا، ھەتتا ئېپەكلىك قىز، مەلىكىلىرىگە، ئىنسابلىق ۋە پاكىز شاھزادىلىرىگە، تېمۇرىيە بوشۇگىنىڭ ئايىم ـ ئاغچىلىرىغا، دەۋرنىڭ نازىنىنلىرى، جاھاننىڭ ئېپەكلىك ئەر ـ ئايالـلىرىغا ئىگە بولدى. بۇ ئۆزبېك ۋە قىپچاقلار ئۇلارنىڭ نۇرسىمان يۈزلىرىدىكى نىيەت ۋە ھايا پەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، شەرىئەتكە خىلاپ ھەر خىل يامان ئىشلارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بۇلارنى تەسۋىرلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىپ، تىل يېتىشمەيدۇ.

سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئوغۇللىرى ئۆز جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھەرقايسى مەملىكەتلەرنى پانا قىلدى. ئۇلارنىڭ خوتۇن، قىزلىرى ۋە پەرزەنت قېرىنداشلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزبېكلەرنىڭ قولىغا ئولجا بولۇپ ئەسىر چۈشتى. تەتۈر ماڭىدىغان بۇ پەلەك ئۇلارغا ئۆز تەتۈرلۈكىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن ئون ئىككى يىل كېيىن، مۇھەممەتخان شەيبانى سەفەۋىيلەردىن (100) قىزىل باش ئىسمائىل قولىدا ئۆلتۈرۈلدى. خۇراسان دۆلىتىگە قىزىل باشلار ئىگە بولدى. بۇ چاغدا كۆچەم خان بىننى مەھمۇتخان بىننى ئابۇلخەيىر خانلار (101) ماۋارائۇننەھرگە قانائەت قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇبەيدۇللا خان، ئابدۇل ئەزىز خان، ئابدۇللا خان، ھەيدەر مۇھەممەت خان، ئىمام قۇلى خان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت خان، قاتارلىقلار بۇخارا، سەمەرقەنت، ئۈرگەنچ قاتارلىق شەھەرلەرگە نۆۋەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى.

بۇ چاغدا، زاھىرىدىن مۇھەممەت بابۇر پادىشا بىننى ئۆمەر شەيخ باھادۇر بىننى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا بىننى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا بىننى مىرانشاھ مىرزا بىننى ئەمىر تېمۇر كوراگانى ماۋارائۇننەھرى ۋە فەرغانىدە تۇرالماي، ئىسمائىل سەفەۋىگە ئۆزىنى تاشلاپ، قىزىل باشلارنىڭ ياردەم ۋە مەدەتلىرى ئارقىسىدا، فەرغانە ۋە ماۋارائۇننەھرىگە ئىگە بولدى، لېكىن ئۆز جايىدا تۇرالماي، كابۇل ۋە غەزنىۋىيلەرنىڭ (102) ئۈستىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تا دېھلىگىچە بولغان جايلارنى ئىگىلەپ، بۇ جايلارغا ئوتتۇز ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۇ تارىخ ھىجرى توققۇز يۈز بەشىنچى يىلى (مىلادى 1499 ـــ 1500 ـ يىلى ـ ت) تەختكە چىققان، تارىخ ھىجرى توققۇز يۈز ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1530 ـــ 1531 ـ يىلى ـ ت) ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوغلى ھۇمايۇن پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى قولغا كىرگۈزدى. ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەكبەر شاھ پادىشا، ئالەمگىر پادىشا، ئەۋرەڭزەپ پادىشادىن باشلاپ، تا ئەخمەت شاھ پادىشاغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئون يەتتە نەپەر كىشى بەش يۈز ئاتمىش يىل بۇ مەملىكەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1846 ـ يىلى ـ ت) ئۇلارنىڭ دۆلەت چىرىغى ئۆچتى. ئالى مەرتىۋىلىك بۇ پادىشالاردىن نۇرغۇن ياخشى ئىشلار نەمۇنە ۋە يادىكار قالدى. ئاللا ئۇلارنىڭ ياخشى نامىنى تا ئىنقىرازى ئالەمگىچە (ئالەم تۈگىگىچە ـ ت) مەھكەم ۋە ئۆزۈن ساقلىغاي، ئامىن!

بابۇر پادىشا ئەۋلاتلىرىدىن جەمىش بى ۋە نار بوتاخانلار فەرغانە ۋىلايىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئاتامىراس يۇرتلىرىنى ئۆزبېكلەردىن تارتىۋېلىپ، قوقاننى پايتەخت قىلىپ، بۇ مەملىكەتنى ئاۋات ۋە مەمۇرلۇققا يەتكۈزدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادى تا مەللەخان ۋە خۇدايارخانغىچە يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئالتىنچى يىلغىچە (مىلادى 1869 ـــ 1870 ـ يىلى ـ ت) فەرغانە ۋىلايىتىدە ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن فەرغانە دۆلىتى ئورۇسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتتى. خۇدايارخان ھەرەم شېرىپ زىيارىتىگە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يولغا چىقىپ بەندىچىلىگىنى كابۇل شەھىرىدە تۈگەتتى (ۋاپات بولدى ـ ت). تېمۇرىيە ئەۋلادىدىن مۇزەپپەر خان بىننى مۇھەممەت ئەلى خان بولسا ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىنىڭ پەرمانى بىلەن كورلىدا ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلاردىن كېيىن تېمۇرىيە ئەۋلادىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققانلىرى ئانچە مەلۇم ئەمەس (ئۇلارنى ئاللا ئۆزىگە يېقىن تۇتقاي)، قالدىسىنى خۇدا ئۆزى بېھىرەك بىلىدۇ.

قەلەم تىزگىنىنىڭ تېز قېقىلىشى ۋە خۇشخەتلىرىنىڭ بىئىختىيار ئالغا يۈرۈشى تۈپەيلىدىن، پادىشا ۋە شاھ دەپ قوش نام بىلەن داڭقى چىققانلار يەنى ئىران، تۇران، ئىراقى ئەجەم ۋە ئىراقى ئەرەپ، ھىندىستان، ئەرەبىستان، تۈركىستان قاتارلىق جايلارنىڭ چوڭ شەھەرلىرىگە ئۆزۈن زامان مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق ۋە ئىگىدارچىلىق قىلغان موغۇل قەۋمى ـ قەبىلىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ھەققىدىكى ئاز ـ تولا قىسسە ۋە ئاجايىپ ھېكايىلەر بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە تۇتىيەزىلىگى (شېرىن سۆز يېپىلىرىگە ـ ت) تىزىلىش لايىق ۋە مۇناسىپ كۆرۈلۈپ، مەزمۇنلىرى قىسقىچىلا بايان قىلىندى. بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بىلىشنى خالايدىغانلار بولسا «رەۋزە تۇسسافا» ۋە «تارىخى رەشىدى» قاتارلىق كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلسۇن.

بىزنىڭ مەقسىدىمىز بولسا موغۇلىستان يۇرتىدا ھۆكۈم سۈرگەن خان، پادىشا، شەرىكەتلىك ئۇلۇغ ئەمىرلەرنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا قەلەمنىڭ گۈزەل چۆللىرى موغۇلىستاندا ئۆتكەن ئۇلۇغلارنىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىنى بايان قىلىش تەرەپكە مايىل بولۇپ، ئەسلى مەقسەت تەرەپكە قەدەم تاشلىدى.

يۇقىرىدا چىڭگىز قاغان ئۆز دەۋرىدە پۈتۈن مەملىكىتىنى تۆت ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بەردى دېگەن ئىدۇق. چىڭگىز قاغان ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي خانغا ئامۇ دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ماۋارائۇننەھرى، فەرغانە ۋىلايىتى، موغۇلىيە، تاتارلار يۇرتى، ئۇيغۇرلار زېمىنى ۋە قەدىمقى نايمان قەۋملىرىگە تەۋە جايلارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. چاغاتايخانمۇ ئۆز ئەمىرائىلىرىگە بۇ يۇرتلارنى تەقسىم قىلىپ بەردى. جۈملىدىن دوغلات قەبىلىسىدىن بابداغان دوغلاتقا ماڭلاي سۈيەنى ئىنئام قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە ئۇنىڭغا ئۈچ مەنسەپنى جۈلدە (مىراس ـ ت) قىلىپ بەردى. ”ماڭلاي سۈيە“ دېگەن سۆز موغۇل تىلىدا ”ئاپتاپ تەرەپ“ (شەرقى تەرەپ ـ ت) دېگەن مەنىدە ئىكەن. بۇ زېمىننىڭ شەرقىي چېگراسى باغراش، كورلا، شىمالىي تەرىپى مۇزتاغ، غەربتە ئالاي تاغلىرى ۋە كاتتا داۋان، جەنۇبتا لەيلى كان، بەدەخشان ۋە قاراڭغۇ تاغدىن ئىبارەت. بابداغاننىڭ ئەۋلاتلىرى ئۆزۈن زامان ئىنئام قىلىنغان بۇ زېمىن ئىچىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. ”دوغلات“ دېگەن سۆز موغۇل تىلىدا ”تۆكۈر“، ”ئاقساق“ دېگەن مەنىدە. چۈنكى چىڭگىز قاغاننىڭ ئۈچىنچى ئاتىسى قۇبۇل خاننىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. ئالتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى بولجار بولۇپ، بۇ ئاقساق ئىكەن. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭغا ”دوغلات“ دەپ لەقەم قويۇلغان ئىكەن. دوغلات تايىپىلىرى بۇنىڭ نەسلى ـــ ئەۋلادى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3

ئەمىرۇلئەمرايى يەنى ئەمىر خۇدايداد بىننى ئەمىر بولاجى دوغلاتنىڭ قىسسە ۋە ۋەقەلىرى ھەم سەرگۈزەشتىلىرى ماقالاتى، پەرزەنت ـ نەۋرىلىرىنىڭ ۋە باشقا مىرزا بەگلىرىنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە ھۆكۈمرانلىغى ھەم ئاقىۋەتلىرى بايانى

ساغلام تەبىئەتلىك يارىيەلەرنىڭ توغرا زېھنىلىك بۇرادەرلەرنىڭ مۇلايىم تەبىئەتلىرىگە يېتىپ رۇشەن بولغايكى، بابداغاننىڭ نەۋرىلىرىدىن ئەمىر تۈلەك دوغلاتى كاشغەردە، ئەمىر بولاجى دوغلاتى ئاقسۇدا ھۆكۈمران ئىدى، بۇ چاغدا چىڭگىزخاننىڭ ئالتىنچى نەۋرىسى ئىسەن بوقاخان دېگەن تەختتە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى بولۇپ، چوڭ خوتۇنى تۇغماس ئىدى، كىچىك خوتۇنى بولسا خاندىن ھامىلدار ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىسەن بوقا خان ئاۋغا (ئەۋ قىلىشقا ـ ت) ياكى ياۋغا (ئۇرۇشقا ـ ت) كېتىپ، ئۆزۈن مۇددەت تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا دوختۇي قەبىلىسىنىڭ شىراۋۇل دېگەن بىر كاتتا ئەمىراسى توقسۇن تارتۇق بىلەن خانغا كۆرۈنۈشكە كېپتۇ ـ دە، خاننى كۈتۈپ بىر قانچە مۇددەت تۇرۇپ قاپتۇ. خان يەنىلا كەلمەپتۇ. خاننىڭ چوڭ خوتۇنى كۈندىشىنىڭ ھامىلدار بولغانلىغىنى سېزىپ، خاننىڭ كەلمىگەنلىگىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا رەشك ـ ھەسەت قىلىپ، ئۇنى شىراۋۇلغا ئىنئام قىلىپ يولغا سېلىپتۇ. موغۇللارنىڭ قائىدە ـ رەسمىيى بويىچە، چوڭ خوتۇنى كىچىك خوتۇنىنى خالىسا ساقلايتتى ياكى خالىسا بىر ئەركە بېرەتتى.

بىر كۈنى خان ئاۋ (ئەۋ)دىن ياكى ياۋدىن قايتىپ كېلىپ كىچىك خوتۇنىنى مەلىكىنى يوقلاپ، ”نەگە كەتتى“ دەپ سورىغاندا، چوڭ خوتۇنى ”دوختۇي شىراۋۇل تارتۇق ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، مەلىكىنى شىراۋۇلغا ئىنئام قىلىپ يولغا سالدىم“ دەپ جاۋاپ بەردى. خان ”مەلىكىنىڭ مەندىن ھامىلىسى ئىدى، ئوبدان بولماپتۇ“ دېدى ـ دە، ئارتۇقچە تەنە ـ رۇز قىلمىدى. خاننىڭ ئوغلى يوق ئىدى. ئاز پۇرسەتتىن كېيىن، خان بۇ جاھان بىلەن خوشلاشتى. نەتىجىدە موغۇل قەۋمى خانسىز قالدى. چۈنكى چاغاتاي ئەۋلادى بىلەن تۇلىي ئەۋلادى ئۆزئارا جەڭ ـ جىدەللەر تۈپەيلىدىن بىر بىرىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى. بۇ چاغدا، ئاقسۇدىكى ئەمىر بولاجى دوغلات ئەمىرائىلىرىنى يىغىپ: ”خان ئەۋلادىدىن بىرەرسىنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئىتائىتىدە بولساق، خان ئۆز ئۇرۇغىدىن بولمىسا پۇقرالارغا پاراۋانلىق، يۇرتتا تىنچلىق بولۇشى مۇشكۈل“ دېگەندە، ئۇلار: ”ئىسەن بوقا خاندىن مەلىك خوتۇن ھامىلىدار ئىدى، ئۇ شىراۋۇلغا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن ئىدى، ئەگەر ئۇ ئوغۇل تۇغقان بولسا ئېلىپ كېلىپ خان كۆتەرسەك“ دەپ مەسلىھەت قىلىشقاندا، ئەمىر بولاجى ”شىغاۋۇلنىڭ (شىراۋۇلنىڭ ـ ت) جاي ـ مەنزىلى ئۆزۈن، ئوزۇق ـ ۋاپا قىلمايدۇ، بېرىشقا مۇمكىنمۇ ئەمەس“ دېدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ تاش تېمۇر مىرزا دېگەن بىر ئەمىراسى بار ئىدى. ئۇ: ”ئوزۇق ـ ۋاپا قىلمايدىغانلىغى راست، لېكىن ماڭا ئۈچ يۈز ئوغلاقلىق ئۆچكە تېپىپ بېرىلسە، مەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋە سۈتىنى ئوزۇق قىلىپ بارسام ۋە خاننى تېپىپ كەلسەم“ دېدى. ھەممەيلەن بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئۈچ يۈز ئوغلاقلىق ئۆچكە تېپىپ بەردى. ئۇ بۇنى ئوزۇق قىلىپ، ئاخىرى بىر ئۆچكە قالغاندا شىراۋۇلنىڭ جاي ماكانىغا يەتتى ۋە بىر پانا قىلىپ مەلىكە خوتۇن بىلەن كۆرۈشتى، بارلىق ۋەقەنى ئۇنىڭغا تولۇق بايان قىلدى. ئۇ تەڭشۈرۈپ قارىسا، مەلىكە خوتۇن خاندىن بولغان ھامىلىسىدىن بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى تۇغلۇق تېمۇر قويۇپتۇ. يەنە شىراۋۇلدىنمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا ئۆكچە مۈلۈك دەپ ئات قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ مىرزا تاش تېمۇر بۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ، تۇغلۇق تېمۇرنى ئېلىپ قاچتى. بىر قانچە مۇددەتتىن كېيىن مۇزات داۋانىغا كەلدى، خان ئويناپ يۈرۈپ ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى. تاش تېمۇر مىرزا بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇ خاننى ئىزدەپ ھەيرانۇ ـ سەرگەردان بولۇپ تۇرغان چاغدا، يەتتە نەپەر سودىگەر يېتىپ كەلدى، باشلىغىنىڭ ئېتى بەگچەك ئىدى. ئۇ خاننى ئىزدەپ ھاڭدىن ئېلىپ چىقتى. بۇلار كېيىنچە خاس بەگلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. باشقىلىرىغىمۇ ئۆز لايىغىدا مەنسەپ بېرىلدى. ئالى مۇقام خاننى تاش تېمۇر مىرزا ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىپ، ئەمىر بولاجىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

بۇ چاغدا خان ئون تۆت ـ ئون بەش ياشلاردا ئىدى. ئەمىر بولاجى يۇرت بەگلىرىنى ھازىر قىلىپ، ئوبدان سائەتتە ئۇنى تەختكە چىقاردى. خان ئەمىر بولاجىنىڭ بۇ قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن، ئۇنى بەگلەر بېگى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇنىڭ ئابايى ـ ئەجداتلىرىدىن مىراس بولۇپ كەلگەن ئۈچ مەنسەپكە يەنە ئۈچ مەنسەپ جۈلدۈ ـ جاساق قىلىپ، قولىغا يارلىق نىشانە بېرىپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى ئورۇن بەردى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئەمىر بولاجى بۈيۈكلۈك ئالەمىگە پەرۋاز قىلدى. خان ئەمىر بولاجىنىڭ مەنسىپىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەمىر خۇدايدادقا بېرىپ، ئۇنى ”جاساق“ (يەنى ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى قىلدى. بۇ ئۆزبېك تىلىدا ”بەگلەربېگى“، ئەرەپچە قىرغىز، قازاق تىلىدا ”ئېل بېگى“ ياكى ”ئۇلۇس بېگى“، ”ئەمىرۇلجەيش“ (ھەربىي قوماندان ـ ت) دېگەن سۆز بولىدۇ.

ئەمىر بولاجى بىر ئاتىدىن ئەمىر تۈلەك، ئەمىر بولاجى، ئەمىر قەمەرىددىن، ئەمىر شەمىسدىن دەپ تۆت ئوغۇل ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر قەمەرىددىن ”ئاكامنىڭ ئوغلى يەتتە ياشتا، تېخى كىچىك، بۇ مەنسەپكە مەن لايىق ئىدىم، ئاكامنىڭ بۇ مەنسىپى ماڭا مەرھەمەت قىلىنسا، ھەق ئۆز ئورنىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان بولار ئىدى“ دەپ ئەرز قىلدى، خان: ”ئاتا ئوغۇل ئۈچۈن قىلىدۇ“ دەپ ئىلتىپات بىلەن يارلىق قىلدى ۋە ”ئەمىر بولاجىنىڭ ئۆتكەنكى خىزمەتلىرىنى قايتا ئەسكە ئېلىپ تۇرۇپ، ئەمىر خۇدايداد گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئابايى ـ ئەجداتلىرىنىڭ مەنسىپىنى بۇنىڭغا بەردىم“ دەپ داۋاملىق يارلىق قىلدى. لېكىن ئەمىر قەمەرىددىن بۇنىڭغا ھېچنىمە دەپ جاۋاپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىلىدا كىنە ـ ئاداۋەت پەيدا بولۇپ، مىجەزى باشقىچە بولۇپ، ئۆزگىرىپ قالدى. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن خان ۋاپات بولۇپ، گۇناھى ئەپۇ ئەتكۈچى قادىر ئاللانىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولدى.

ئەمىر قەمەرىددىن بولسا بۇنداق پۇرسەتكە ناھايىتى ئىنتىزار ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ قارشىلىق نەغرىسىنى ئاشكارا چالدى ۋە ئون سەككىز شاھزادە بىلەن بىرنەچچە كاتتا ئەمرايىلىرىنى يوق قىلدى، خاننىڭ يۇرتى، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا غەزىنىلىرى، ياراق ـ جابدۇقلىرىغا ئىگە بولدى. ئۇنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرى ـــ زامانىسى ئون ئىككى يىلدا تاماملىنىپ ئاخىرلاشتى ئۇ ئەمىر تېمۇر كوراگانى بىلەن ھەمئەسىر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جەمئىي يەتتە قېتىم قاتتىق جەڭ ـ جىدەل سادىر بولۇپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنى تۆكۈلدى. ئاخىرى ئەمىر قەمەرىددىن باراۋەرلىك قىلالماي قېچىپ كېتىپ بىر جەزىرە ـ دەشتىدە يوق بولدى، ئۇنىڭ ئۆلۈگىمۇ تېپىلمىدى. ئەگەر كىمكى بۇ قىسسەنى كۆڭلىدە بىلىشنى خالىسا، ئەلۋەتتە «رەۋزە تۇسسافا»غا نەزەر سالسۇن.

ئەلقىسسە، مەغفۇر ـ (گۇناھى كەچۈرۈلگەن ـ ت) ـــ رەھمەتلىك خان ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن، خىزىر خوجا خاندىن باشقا ئوغلى ئامان قالمىغان ئىدى. لېكىن خىزىر خوجا خان ئارانلا ئىككى ياشتا بولۇپ، ناھايىتى كىچىك ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايدادنىڭ مىر ئاغا دېگەن ساپ مەسلىھەتلىك، زىيادە تەدبىرلىك ۋە ئەقىللىق بىر ئانىسى بار ئىدى. ئۇ ”خان نەسلى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن“ دەپ، ئون ئادەمنى قوشۇپ خىزىر خوجا خاننى قاچۇردى. مەزكۇر ئادەملەر خىزىر خوجا خاننى ئېلىپ قېچىپ بىر قانچە زامان ئالاي تاغلىرى ئىچىدە، بىرنەچچە ۋاقىت بەدەخشان، سېرىق قول جەزىرىلىرىدە ۋە بىرنەچچە مۇددەت لوپ، چەرچەن جاڭگاللىرىدا ھايات كەچۈردى. قەمەرىددىن ئۇلارنى خېلى تەكشۈرۈپ ۋە ئىزدەپتىش قىلىپ تاپالمىدى. قەمەرىددىن يوقالغاندىن كېيىن، ئەمىر خۇدايداد خىزىر خوجا خاننى تېپىپ كېلىپ، ئۇنى ئابايى ـ ئەجداتلىرىنىڭ پايتەختىگە ئولتۇرغۇزدى. خىزىر خوجا خانمۇ ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى ئۈچۈن، يەنە ئۈچ مەنسەپ جۈلدۈ ـ جاساق قىلىپ، جەمئىي توققۇز مەنسەپكە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ شەرئىي خانىغا (103) بىر قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەنلىگى ئۈچۈن، يەنە ئۈچ مەنسەپ جۈلدۈ قىلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەمىر خۇدايداد ھەممىسى بولۇپ ئون ئىككى مەنسەپكە ئىگە بولدى.

بۇ ئون ئىككى مەنسەپ مۇنداق: بىرىنچىسى جايساق، يەنى ئەمىرلەر ئەمىرى؛ ئىككىنچىسى ماڭلاي سۈيەنىڭ ھۆكۈمرانلىغى؛ ئۈچىنچىسى، يارلىق ـ نىشانلارغا خانلارنىڭ ئۇلۇغ مۆھۈرى ـــ تامغىسى بېسىلغاندىن باشقا، يەنە ئەمىر خۇدايدادنىڭ مۆھۈرى ـــ تامغىسىنى بىللە قوشۇپ بېسىش، ئەگەر مۇنداق قىلىنمىسا يارلىق ـ نىشانلار ئىناۋەتكە ئېلىنماسلىق؛ تۆتىنچىسى، ئەمىر خۇدايداد خانغا بىر يا مىقدارى يېقىن ئولتۇرۇش؛ بەشىنچىسى، خانغا چاي ۋە قىمىز قويۇشقا ئىككى مەھرەم مەسئۇل بولسا، ئەمىر خۇدايدادقا بىر مەھرەم مەسئۇل بولۇپ چاي، قىمىز قويۇش؛ ئالتىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر قىلمىغىچە گۇناغا لايىق قىلماسلىق؛ يەتتىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر بولسا ۋە ئۆزى ئېتىراپ قىلغان تەقدىردە، ئەمىر خۇدايدادنى قىزىل كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، سورىغىنى بىر تەرەپ قىلىش؛ سەككىزىنچىسى ئەگەر تاياق سوقماقلىققا لايىق بولغان تەقدىردە، كۆرسە ئۈستىگە قىزىل كىگىز سېلىپ، ئۇنى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئاندىن تاياق سوقۇش؛ توققۇزىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر بولمىغىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك؛ ئونىنچىسى، ئەگەر ئۆلۈمگە لايىق بولغاندا، ئىنسان گۇرۇھى تاياق بىلەن ياكى قىلىچ بىلەن ياكى ئېسىپ ئۆلتۈرمەسلىك؛ ئون بىرىنچىسى، ئەگەر ئۆلۈمگە لايىق بولسا ئۇنى كىشى يوق يەرگە ئېلىپ بېرىپ، كۈندۈرۈلمىگەن ئات ـ تايچاققا سۆرۈتۈپ ئۆلتۈرۈش؛ ئون ئىككىنچىسى ئۇنىڭ جېنىنى ئالىدىغان ئەزرايىلغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، خان باشلىق مەملىكەتنىڭ ھەممە ئەييانلىرى ماتەمدار بولۇپ، يىغا ـ زارە قىلىشىپ، بىللە كۆتۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ گۇنالار ئۇنىڭدا زادىلا سادىر بولمىغان بولسا كېرەك. ھالبۇكى بۇ پەقەت خانلىقنىڭ سولت ۋە شەرىكىتىدىنلا ئىبارەتتۇر.

سۆزنىڭ ھاسىلسى شۇكى، بۇ ئالى ماقاملىق ئەمىرائىلىلەرنىڭ ئەۋلات ـ نەۋرىلىرىمۇ خانلارنىڭ ئالدىدا خۇددى يۇقىرىقىدەك ئىززەت ۋە ھۆرمەت ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك مەرتىۋە بىلەن ئۆتكەن ئىدى. ئەمىر خۇدايداد بولسا توقسان يەتتە ياشقا كىرگەن ۋە توقسان يىل ھۆكۈمەتدارلىق قىلغان ئىدى، ئۇ: ”يەتتە خاننى ئۆز قولۇم بىلەن كۆتۈرۈپ خانلىق تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم“ دەپ زىكىر قىلىدۇ. ئاخىرقى ئۆمرىدە مەككە ـ مۇئەززەمەگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەگە بولغان ئىشتىياقى ئۇنىڭ يۈرەك قاتلاملىرىدا جۇش ئۇرۇپ ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇ خاندىن رۇخسەت سورىدى، لېكىن ھېچقانداق جاۋاپ ئالالمىدى. ئاندىن ئۇ خاندىن رۇخسەت بولمىدى، باشقا بىر تەدبىر بىلەن مۇراتىمغا يەتسەم ئەجەپ ئەمەس دېگەننى كۆڭلىگە پۈكتى.

بۇ چاغدا فەرغانە ۋىلايىتى، ماۋارائۇننەھرى، خۇراسان، پارس، ئىراقىيىن، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلار مىرزا ئۇلۇغ بەك كوراگانىنىڭ ئەمىر ـ پەرمانىدا تۇراتتى. موغۇلىستاننى قولغا كىرگۈزۈش قەستى بولسا، خۇددى تاشقا ئويۇلغان نەقىشتەك ئۇنىڭ يۈرەك قاتلىمىغا ئورۇنلاشقان ئىدى. لېكىن ئۇ زادىلا بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە پۇرسەت تاپالماي كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايداد مىرزا ئۇلۇغ بەككە مەخپىي كىشى ئەۋەتىپ ”مىرزا! تاشكەنتتىن تۆت ـ بەش مەنزىل يۈرۈپ موغۇلىستان تەرەپكە مۇشەققەتلىك قەدەم قويسىلا؛ مەن موغۇلىستان يۇرتىنى مىرزا ئۇلۇغ بەككە تەۋە قىلىپ بېرەي“ دەپ خەۋەر بەردى. مىرزا ئۇلۇغ بەك بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا سەمەرقەنتتىن ئاتلىنىپ، تاشكەنتكە كېلىپ، بۇ جايدىن لەشكەر تارتىپ چىقتى. موغۇلىيە يۇرتىدىنمۇ خىزىر خوجا خان باشلىق ئەمىر خۇدايداد قاتارلىقلار لەشكەر ئېلىپ تاشكەنت تەرەپكە يولغا چىقتى. ئاخىرى بۇ خۇددى دەريادەك ئاققان ئىككى خۇنخۇار قوشۇنلار ئارىسىدا بىر مەنزىلدىن كەمرەك مۇساپە قالغاندا، ئەمىر خۇدايداد: ”مىرزا ئۇلۇغ بەك ئالدىغا ئۆزەم بېرىپ، ئۇنىڭ رايى نۇرلىرىنى قايتۇرسام، ناھەق قانلار تۆكۈلمىسە“ دەپ خانغا ئىلتىماس قىلدى. خان بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئەمىر خۇدايدادنى مىرزا ئۇلۇغ بەككە ئەۋەتتى. خۇدايداد ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ: ”ئەي مىرزا، مۇددىئا ھاسىل بولدى، ئەمدى ئۆز تەختىگاھلىرىغا يانسىلا، مەن تەدبىر بىلەن ئۆزلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىم تا ئۆزلىرى بۇ يەرگە كەلگىچە مېنىڭ مەقسەت ۋە مۇددىئالىرىم ھاسىل بولماس ئىدى“ دەپ بارلىق ۋەقەنى تولۇق سۈرەتلەپ ئاشكارا قىلدى. مىرزا ئۇلۇغ بەك تەبەسسۇم ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنىڭ پەردەئوس دېگەن جەڭگاھىغا ئوخشاش تەختىگاھى سەمەرقەنتكە قايتىپ كەتتى. جۈملىدىن ئەمىر خۇدايدادمۇ خىزىر خوجا خاننىڭ ھۆكۈمىتى ۋە زېمىن دائىرىسىدىن چىقتى.

مىرزا ئۇلۇغ بەك كوراگانى ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئىستىقبالىغا چىقىپ، بىرنەچچە قەدەم پىيادە (ئاتنىڭ يېنىدا پىيادە ـ ت) مېڭىپ ۋە قولتۇغىدىن كۆتۈرۈپ ئاتتىن چۈشۈرۈپ، زىيادە ئىززەت ۋە ھۆرمەت بەجا كەلتۈردى. ئۇ ئەمىر خۇدايدادنى ھەرقانداق چاغدا ئۆزىدىن ئۈستۈن ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆز قەدىمىنى زادىلا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قويمىدى ۋە بىرنەچچە كۈن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭدىن كۆپ سۆزلەرنى سورىدى. ئالدى بىلەن ئۇ پادىشاھى چىڭگىز قاغاننىڭ قائىدە ـ قانۇنلىرى، ياساق ـ يوسۇنلىرى، يارغۇتۈزۈكلىرى ھەققىدە سۇئال سورىغاندا، ئەمىر خۇدايداد: ”ئەلھەمدۇلۇللا ۋە ئەلمىننە بۇدۇركى، ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت ـ شەرىپىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، خانلارنىڭ قائىدە ـ يوسۇنلىرى بىلەن كارىم بولمىدى“ دەپ جاۋاپ بەردى. مىرزا ئۇلۇغ بەك بۇنداق سۇئال سورىغانلىغىغا ناھايىتى خىجالەت بولۇپ قاتتىق پۇشايمان قىلدى ھەتتا ئۆمۈر بويى بۇنداق خىجالەتچىلىكتە ئۆتتى ۋە كۆپ ئىبرەت ئالدى. چۈنكى مىرزا ئۇلۇغ بەك ھەممە ئىلىمدە ماھىر ۋە كامىل كىشى ئىدى، ئۆزئارا مېھماندارچىلىق پېشەكەش ـ تارتۇق قائىدىلىرى ئادا قىلىنغاندىن كېيىن، مىرزا ئۇلۇغ بەك ئۆز ئادەملىرىنى خىزمەتكە قوشۇپ، ئەمىر خۇدايدادنى ھەرەمەيىن شېرىپىن زىيارىتىگە يولغا سالدى.

«تارىخى رەشىدى» مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەمىر خۇدايداد مەككە مۇئەززەمەگە بېرىپ، ھەجنىڭ رۇكىنلىرىنى ۋە شەرتلىرىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈپ، مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەگە بېرىپ، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك قەۋرىسىگە زىيارەت قىلدى ۋە ئۆۋە ـ ئىستىغپارغا شۇغۇللىنىپ تۇرغان بىر ھالەتتە كېسەلگە دۇچار بولدى ۋە بۇ قاراڭغۇ تۇپراقتىن ئاخىرەت باغچىسىغا يۆتكەلدى. شۇ كېچىسى ئەھلى زەردەت سەلىلەللا ئەلەيھى ۋەسىللەمنى مەدىنەئى مۇنەۋۋەرە ئۇلۇغىنىڭ چۈشىگە كىردى. ئۇ چۈشىدە ئەنەبىزنىڭ ”تۈركىستان تەرەپتىن مېنىڭ بىر مەھبۇب ۋە شۇئۇم مېنى دەپ كېلىپ ۋاپات بولدى، ئۇنى ئابباسنىڭ ئايىغىدا دەپنە قىلىڭلار“ دەپ ئاسا بىلەن بىر يەرنى سىزىپ كۆرسەتكەنلىگى نامايان بولدى. ئۇ ئويقۇدىن تۇرۇپلا ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەۋرىسىگە بارسا، ئاسا بىلەن سىزىلغان يەر ناھايىتى ئوچۇق كۆرۈندى. ئۇ، بۇ ئەجەپ سائادەتمەن مەردا (ئادەم ـ ت) كىم بولغىيدى دەپ ھاجىلارنى تەكشۈرۈپ ۋە تەپتىش قىلىپ كۆرسە، بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايداددىن باشقا ھاجى ۋاپات بولمىغان ئىكەن. ئۇنى قائىدە بويىچە سۈننەت ـ غۇسۇل قىلدۇرۇپ، بىشارەت بېرىلگەن يەرگە دەپنە قىلدى.

شۇ يىلى خوجا ئەبۇ نەسىر مۇھەممەت پارسا (104) قۇددۇسىسسەرە ئەلەيھىزىمۇ ھەرەمەيىن شېرىپىن زىيارىتىگە بارغان ئىدى. ئۇنىڭ مۇرىتلىرىدىن بىرى ئەمىر خۇدايدادنىڭ قەۋرىسى ئۈستىگە ”ھەززا قەۋرە ئەمىر خۇدايداد تۈركىستانى“ (بۇ تۈركىستانلىق ئەمىر خۇدايدادنىڭ قەۋرىسى ـــ ت) دېگەن سۆزنى تاشقا نەقىش قىلىپ تۇرغۇزۇلغانلىغىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن ئاشكارا كۆردۈم دەپ نەقىلى ـ ھېكايە قىلغان ئىكەن. خوجا مۇھەممەت پارسانىڭ ھەرەمەيىن شېرىپىن زىيارىتىگە بېرىپ ۋاپات بولغان ۋاقتى ھىجرى سەكسىز يۈز يىگىرمە ئىككىنچى يىلى زۇلھەججە (12 ـ ئاي ـ ت)نىڭ يىگىرمە توققۇزىنچى كۈنىگە (مىلادى 1420 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى ـ ت) توغرا كېلىدۇ دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ. بەلكى ئەمىر خۇدايدادمۇ دەل مۇشۇ يىلى ۋاپات بولسا كېرەك.

ئەمىر خۇدايداددىن كېيىن ئۇنىڭ نەۋرىسى سەيىد ئەلى بىننى سەيىد ئەخمەت مىرزا ئەمىرلەر ئەمىرى بولۇپ، ئابايى ـ ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان مەنسەپلەر بويىچە بۇ يەتتە شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى، ئاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى سانسىز مىرزا ھۆكۈمران بولۇپ سەكسىز يىل يۇرت سورىدى. ئاندىن كېيىن كىچىك ئوغلى ھەيدەر مۇھەممەت مىرزا ھۆكۈمران بولدى. بۇ چاغدا دوست مۇھەممەتخاننىڭ (105) قىزى جىماك ئاغىچا سانسىز مىرزىنىڭ نىكاھىدا ئىدى. بۇنىڭدىن ئابابەكرى مىرزا ۋە ئۆمەر مىرزا دەپ ئىككى ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. سانسىز مىرزا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنى يەڭگە دەپ ھەيدەر مۇھەممەت مىرزا ئۆز ئەقدىگە ئالدى. ھەيدەر مۇھەممەت مىرزىدىنمۇ مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا ۋە مۇھەممەت سەئىد مىرزا دەپ ئىككى ئوغۇل ۋۇجۇتقا كەلدى. مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھۆكۈمىتىنى پىسەنت قىلماي، تاشكەنتكە بېرىپ، يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى مەھمۇتخاننىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئۇ مەھمۇتخاننىڭ يارلىغى بىلەن ئوراتۆپەگە توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. مەھمۇتخان بىر ھەمشىرىسىنى مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئەقدىگە باغلاپ، ئۇنى كوراگانلىق (خانغا كۈيئوغۇل) مەنسىۋى بىلەن ئۇلۇغلىدى، ئوراتۆپەدە بۇلاردىن مىرزا ھەيدەر ۋۇجۇتقا كەلدى. لېكىن بۇ زامانە ھادىسىلىرى ۋە بەزى كېلىشمەسلىكلەر تۈپەيلىدىن، ئوراتۆپەدە تۇرالماي، پەرزەنتى مىرزا ھەيدەرنى ئېلىپ ھېراتتىكى سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىننى بايقارا مىرزا خىزمىتىگە باردى.

بۇ چاغدا ھېراتتا ئەمىر بۇرۇندۇق دېگەن بىر مۆتىۋەر قېرى ئەمىرائى بار ئىدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا ئۇنى مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگاننىڭ ئىستىقبالىغا چىقاردى ۋە مۇناسىپ جاي ـ ماكانغا چۈشۈردى، سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىلەن قانداق كۆرۈشۈشنىڭ مەسلىھەتىنى قىلىشتى. ئەمىر بۇرۇندۇق: ”ھەر قانچە بولسىمۇ ئولجاپ (خان، پادىشالارنىڭ قوللىرىنى باشلىرىغىچە يەتكۈزۈپ كۆرۈشۈش ئادىتى ـ ت) كۆرۈشكەن ياخشى بولۇر ئىدى“ دېدى. مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇنى ماقۇل كۆرمىدى. چۈنكى، مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا دوغلات نەسلىدىن ئىدى، سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بولسا بارلاس نەسلىدىن ئىدى. دوغلات قەبىلىسىنىڭ مەرتىۋە ـ دەرىجىسى بولسا بارلاس تايىپىلىرىدىن نەچچە دەرىجە ئارتۇق ئىدى. ئاخىرى ئۇلار كۆرۈشىدىغان بولدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا: ”ئابايى ـ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قائىدە ـ رەسمىيەتلىرى يوق بولۇپ كەتمىسۇن، مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا ماڭا ئولجاپ كۆرۈشمىسە مەن ئولجاپ كۆرۈشمەن“ دەپ ئولجاپ كۆرۈشتى. ھەر ئىككىسىلا باراۋەر ئولجاپ كۆرۈشتى. بىر بىرىنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇپ قىلىشتى. لېكىن بۇ چاغدا سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئۆمۈر ئاپتىۋى پېتىش ۋاقتىغا يەتكەن، ئوغۇللىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋجىگە چىققان، ھەممە جايدا پىتنە ـ پاساتلار قوزغالغان ئىدى. شۇڭلاشقا مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇ يەردە تۇرماقنى مۇناسىپ كۆرمەي، ھەرەمەيىن شېرىفىن زىيارىتىگە سەپەر قىلدى. پەرزەنتى ھەيدەر مىرزا بۇ چاغدا سەكسىز ياشتا ئىدى. ئۇنى مەۋلانا مۇھەممەت قازىنىڭ خىزمىتىگە تاشلىدى. مەۋلانا مۇھەممەت قازى ئەيرەھمە خوجا بولسا خوجا ئەھرار ۋەلىيۇللانىڭ (106) مۇرىدى مەخدۇم ئەئزەمنىڭ (107) پىرلىرىدىن بىرى ئىدى.

كېيىنكى زاماندا سۇلتان سەئىد خان بىننى ئەخمەت خان (108) دەۋرىدە، مىرزا ھەيدەر كوراگانى يىگىرمە ئىككى يىل ياركەنتتە ئەمىرلەر ئەمىرى بولۇپ تۇردى. تىبەت، بولۇر قاتارلىق جايلارغا لەشكەر تارتىپ بېرىپ، تولا شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئىسلام دىنى زۇمرەسىگە (گۇرۇھىغا ـ ت) باشلاپ، ئۇلارنى ئاللانىڭ بىرلىگىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان ـ مۆمىندارچىلىق يولىغا تەرغىپ قىلدى. لېكىن، زامانە ئىنقىلابى تۈپەيلىدىن، ئۇ كابۇلغا بېرىپ، بابۇر پادىشا خىزمىتىگە كىردى. بابۇر پادىشانىڭ ئانىسى بىلەن مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ ئانىسى بىر تۇققان بولۇپ، ئۇلار يۇنۇس خاننىڭ قىزى ئىدى. ئۇ بابۇر پادىشا تەرىپىدىن كەشمىرگە ئەۋەتىلىپ، بۇ جاينى تۆت يىل سورىدى، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلدى. ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى بوي سۇندۇردى. ئاخىرى سەلەتەنىتىنى تاشلاپ، ئۆز ئۆمرىنى ئىبادەتكە سەرپ قىلدى. ئۇ «تارىخى رەشىدى»نى كەشمىردە يېزىپ توپلام قىلدىم“ دەپ ھېكايە قىلىدۇ. خانلارنىڭ قىزلىرى ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلاتلىرىغا كۇفۇ (ئەقدىدە نىكا ئۈچۈن تەڭداش بولۇش سالاھىيىتى ـ ت) بولىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار خانغا كۈيئوغۇل قىلىنىپ ”كوراگانى“لىق مەنسىۋى بېرىلىدىكەن. ”كوراگانى“ دېگەن سۆز موغۇل تىلىدا ”خانغا كۈيئوغۇل“ يەنى ”دامادى پادىشا“ (پادىشا كۈيئوغلى ـ ت) دېگەن مەنىدە بولىدىكەن. يەنە بۇ مىرزىلارنىڭ قىزلىرىمۇ خانزادىلەرگە كۇفۇ قىلىنىدىكەن.

سانسىز مىرزىنىڭ ئوغلى مىرزا ئابابەكرى بولۇپ، بۇ يەتتە شەھەردە مىرزا ئۇرۇقلىرىدىن يەنە بار، ھەممىسىنىڭ نەسەپلىرى ئەمىر خۇدايداد بىننى ئەمىر بولاجىغا باغلىنىدۇ. مىرزا ئەھمەت ۋەڭ بېگىممۇ ئۆز نەسەپلىرىنى مىرزا ئابابەكرىگە ئاپىرىپ باغلايدۇ. بۇ سۆزنى تەپسىلىي ۋە ئۆزۈن بايان قىلىشتىن مەقسەت ۋە تەلەپ شۇكى، چاغاتاي خان بىننى چىڭگىزخان زامانىدىن سۇلتان سەئىد خان زامانىغىچە ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. بابداغان دوغلاتنىڭ ئەۋلادى ـــ نەۋرىلىرى ئەمىر خۇدايداد بىننى ئەمىر بولاجى نەسلىدىن نەسلىگىچە، زاماندىن زامانغىچە، ئۇ پۇشتىدىن بۇ پۇشتىغىچە بۇ يەتتە شەھەرگە ھۆكۈمران بولۇپ، يۇقىرى مەرتىۋىگە يېتىپ كېلىپتۇ. بۇ ئەھۋال ئەڭ ئاخىرى مىرزا ئابابەكرى دەۋرىگە كەلگەندە تامامىغا يېتىپتۇ. ئاندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ بۇرادەر زادىسى مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ تەشەببۇسى ۋە دالالىتى بىلەن سۇلتان سەئىد خان بۇ يەتتە شەھەرگە ۋالى ۋە مۇتەۋەللى بولدى. بۇ دوغلات خانىدانلىرى ئەمىرلەر ئەمىرى ھەم ۋەزىر بولۇپ، تا ئىسمائىل خان ۋە مۇھەممەت ئىمىن خان زامانلىرىغىچە يەنە ئىككى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈمران بولۇپ ئۆتۈپتۇ. ھەتتا خاقانى چىن ئەھلى بۇ يەتتە شەھەرگە مالىك بولغۇچە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرى جارى بولۇپ كېلىپتۇ.

مىرزا ئەھمەت ۋەڭ بېگىمنىڭ نەسەپلىرىمۇ مىرزا ئابابەكرىگە يېتىدۇ دەپ ھېكايە قىلىشىدىكەن. لېكىن قانداق يول بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىدىغانلىغى بۇ مەنكى كەمىنەگە رۇشەن مەلۇم ئەمەس. رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىغى تاكى ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئالتىنچى يىلغىچە (مىلادى 1909 ـــ يىلغىچە ـ ت) جارى بولغان ئىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادى مىر ئەھمەدى بەيسە بېگىم ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئوسمان بەيسە بېگىم قەشقەرنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. مەۋلانا مۇھەممەت سادىق كاشغەرى (109) ئەلەيھىررەھەم «زۇبدە تۇل مەسائىل» (تاللانغان مەسىلىلەر) ناملىق كىتابىنى مەزكۇر مىرزا ئوسمان بەيسە بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ يازغان ئىكەن. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئىسھاق بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئېلىشىپ قەشقەرنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئەھمەت ۋەڭ بېگىم ئاقسۇغا ھاكىم بولۇپ، يىگىرمە سەككىز يىل سىراپتۇ. ياركەنتنى سەككىز يىل سوراپتۇ. بۇخارالىق موللا ئابدۇلگەرىم داموللام «ئاقايىد» (ئەقىدىلەر ـ ت) دېگەن كىتابنى مىرزا ئەھمەت ۋەڭ بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ۋە ئۇنى تولا تەرسىپ ـ تەۋسىپ (سۈپەت ـ ت)لەر بىلەن توشقۇزۇپتۇ.

مىرزا ئەھمەت ۋەڭ بېگىم بولسا دۆلەتمەن، ئىقبالىمەن، زېرەك، ھوشيار، ھۆكۈمەتدارلىق قائىدە ـ قانۇنلىرىدا، پۇقراپەرۋەرلىك يول كۆرسەتكۈچ دەستۇرىدا بىر سۆز ۋە بىر قوللۇقتا مۇستەھكەم كىشى ئىدى. پېئىل ـ ئەتۋارى ۋە ئەخلاقى، خەلقپەرۋەرلىكتە بۇرۇن ئۆتكەن پادىشالارنىڭ رەسمى ـ ئادەتلىرىگە، خۇلق ـ مىجەزىگە ناھايىتى ئوخشاش ئىدى. قارىماققا ئۇ خاقانى چىنغا تەۋە ھەم ئىتائەت قىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەمەلىيەتتە ئۆز ئالدىغا پادىشا ۋە مۇستەقىل ھاكىم ئىدى. ھەرقانداق دەۋا ـ دەستۇرلارنى ئاق ئالى شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمىگە سېلىپ، شەرىئەتنىڭ نازۇك ۋە توغرا ـ يوللۇق ئىماملىرىدىن قولىغا مۇۋاپىق پەتىۋا ئېلىپ ۋە بۇ پەتىۋا ھۆكۈملىرى بويىچە ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى ۋە ئىجرا قىلاتتى. شەرئى شېرىپنىڭ خاتىرى ۋە رىئايىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئاللانىڭ شەرىئەت چىگرا ـ سىزىغىدىن چىقماي، ھۆكۈمەتدارلىقنى شۇ چىگرا ـ سىزىق بويىچە ئاستە. مەقام (ئوتتۇرا دەرىجىدە ـ ت) دەرىجىسىدە ئورناتقان ئىدى. شۇڭلاشقا خاقانى مەنسەپدارلىرىدىن خان، ئامبال باشلىق ھەممىسىلا ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىپ، تولۇق ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ھاراق ـ شاراپ، بەڭ، بوزا قاتارلىق شەرىئەت تەرىپىدىن مەنئى قىلىنغان ۋە بىھۇدە ئىشلاردىن ئۆزىنى ئېھتىيات قىلىپ ساقلايتتى. شۇڭلاشقا پۇقرايى رەئىيەلەر ياكى ئاكابىر ئەشرەپلەر (بەگلەر، ۋەزىرلەر ـ ت)دىن بىرەرسى شەرىئەتكە خىلاپ مۇنداق مەنئى قىلىنغان ئىچىملىكلەرنى زادىلا ئاشكارا قىلالمايتتى. يېرىم كېچىدىن كېيىن كۆزلىرى ئۇيقۇغا بارماي، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت قىلىپ، ئىبادەتخانىلىرىغا كىرىپ، ناماز تەھەججۇتنى (كېچىلىك ناماز ـ ت) ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئىشان، ھەزرەتلەردىن ئالغان تەلىمى ھەم ۋەزىپىلىرى بويىچە دۇئا ۋە تەكبىر بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئىبادەتخانىسىدا بىر پارچە بوردىن باشقا كىگىز بىساتى يوق ئىدى، تۇرۇستا بىر قارا ئارقان ئېسىقلىق بولۇپ، دۇئايى ـ تەكبىر ۋەزىپىسىگە مەشغۇل بولغاندا، مەزكۇر ئارقاننى بوينىغا ئېسىپ ئاندىن ۋەزىپىگە مەشغۇل بولاتتى. ناماز ۋاقتى توشقاندا، مەسچىتكە چىقىپ، ھەر ۋاقىت نامازنى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئەللىك، ئاتمىش ئادەم بىلەن جامائەت بولۇپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئادا قىلاتتى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە جامائەت بىلەن ئوقۇيدىغان نامازنى پەقەت تاشلىغان ئەمەس. ئايىنىڭ بېشى ۋە ئون بەشىدە ئادەت بويىچە شاڭتاي ۋە شاڭ يامۇلغا چىققاندا، خىتايچە جۇڭيى بۇتاغات ۋە مەنسەپ كىيىم ئاياقلىرىنى كىيىپ ئاندىن چىقاتتى. باشقا چاغلاردا بولسا ھەمىشە سەللە ـ سالاھى، پېرەجە قاتارلىق شەرىئەت شېرىپكە مۇۋاپىق كىيىملەرنى كىيەتتى ۋە باشقىلاردىنمۇ شۇنى تەلەپ قىلاتتى. ئۆلىمالار، ئىشانلار، ئەپەندىلەرگە بولغان ئەقىدە ـ ئىخلاپلىرى زىيادە، كۆڭلى ۋە مۇئامىلىسى ئىللىق ئىدى، شۇڭلاشقا كەشمىر، بەدەخشان، ھىندىستان، بۇخارا ۋە تۈركىستان قاتارلىق ئەتراپتىكى جايلاردىكى ھەزرەت ئىشانلار، بۇ ۋاڭ بېگىمنىڭ تۈرلۈك ـ تۈرلۈك نېئمەتلىرى، ئىنئام ۋە ئېھسانلىرى، نامى ـ شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرگە كېلىپ، بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، بەھرە ۋە پايدىغا مۇيەسسەر بولۇپ، ۋاڭ بېگىمنىڭ دۇئايى ـ دۆلەتلىرىنى قىلىپ، ئۆزى ئۆسكەن ۋەتەنىگە قايتىپ كېتەتتى. ۋاڭ بېگىم باشلىق بىر قانچە ئەقىدە ـ ئىخلاسلىرى پاكىز مۇرىت ـ مۇخلىسلارمۇ ئۆز ئىخلاسلىرى باراۋېرىدە بەھرە ـ پايدا ئېلىپ قالار ئىدى، بۇلارمۇ قادىرىيە (110)، نەقىشەبەندىيە تەرىقە ـ سۈلۈككە كىرگەن ئىدى.

ۋاڭ بېگىم موللا، فازىل ۋە پەرھىزكارلارنى (دىنىي ئەقىدىلەردە پەرھىز تۇتقۇچىلارنى ـ ت) چاقىرىپ، ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى تەرىقەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئىبادەت قائىدىسى بويىچە كالامى شېرىپنى خەتمە قىلدۇرار ئىدى. مەزكۇر فازىل قارىلارنىڭ ھەممە ۋاقىت ھاجەتلىرىدىن چىقىپ، ئۇلارغا تارتۇق ـ ھەدىيىلەرنى بېرەتتى. ئۇنىڭ بۇلاردىن باشقا يەنە لەڭگەر ـ رابات، مەدرىسە، مەسچىتلەرگە قىلغان نەزىر ـ چىراق، خەيرى ـ خالىق ۋە سەدىقىلىرى كۆپ ئىدى. ئۇ بۇ خىل نەزىر ـ سەدىقىلەرنىڭ خىراجەت سەرپىياتىنى تامامەن ئۆز ئابايى ـ ئەجداتلىرىدىن مۈلكى مىراس بولۇپ قالغان زېمىنلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە باشقا چارۋا بايلىرىدىن سەرپ قىلاتتى. بۇ زامان ئاخىرىدا ئەمىر خۇدايداد ئەلەيھى رەھەم ۋە ئەلغۇفران (خۇدانىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى بولسۇن)نىڭ ئەۋلات ـ ئەخپاتلىرى ئىچىدە، ۋاڭ بېگىمدەك فازىل، شەرىئەتنى ياخشى بىلىدىغان ئۆلىما دوست، پۇقراپەرۋەر ئۇلۇغ كىشى ئۆتمىگەن ئىدى. خۇدانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان ياخشىلىق، نەتىجىلىرى ۋە ئەسەر ـ ئالامەتلىرى تا بۈگۈنگىچە خالايىق ئارىسىدا مەشھۇردۇر. ئۇ بۇ ئەقىدە ـ ئىخلاسلىرىنىڭ ساپلىغى بەرىكىتىدىن، ئەڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە شاھادەتلىك دەرىجە ـ مەرتىۋىسىنى تاپتى. ئۇ چاغدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇنى ”ئەلا شېھىت“ دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ناھەق تۆكۈلگەن قانلىرى بىلەن، غۇسلا قىلماي ناماز جىنازىسىنى ئوقۇپ دەپنە قىلدى (ئىسلام دىنىدا شېھىت بولغانلار غۇسلى قىلىنماي قانلىق كىيىملىرى بىلەن كۆمۈلىدۇ ـ ت). ئاندىن كېيىن نەۋرىسى مىرزا ھامۇت بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يېتىپ، ئاقسۇ، خوتەنلەرگە ھاكىم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى مىرزا مەھمۇت بېگىم ئاتا مىراسى ۋاڭلىق مەنسىۋىدە ئولتۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئىززەت بىلەن ”ۋاڭ خوجام“ دېگەن نام بىلەن مەشھۇر ـ مەئرۇپ بولدى.

سۆزنىڭ ھاسىلسى شۇكى، موغۇل خانلىرىدىن چىڭگىز قاغان بۇ يەتتە شەھەرگە ھىجرى ئالتىنچى يۈز ئون ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1219 ـ يىلى ـ ت) ئىستىلا تاپتى. شۇ زاماندىن بۇ كەمگىچە بۇ جايغا باشقىلارنىڭ ئىستىلا قەدەملىرى يەتمىگەن ئىكەن، لېكىن ئەمىر كەبىر تېمۇر كوراگانى ئىراق تەرەپكە لەشكەر تارتىپ ماڭغاندا، پايتەختى سەمەرقەنتكە بىر نەۋرىسى سۇلتان مۇھەممەتنى ۋە يەنە بىر نەۋرىسى ئىسكەندەر بىننى ئۆمەر شەيخ باھادىرنى ئەنجانغا ھاكىم قىلىپ كەتكەن ئىكەن. ئەمما ئىسكەندەر سۇلتان تېخى ئون ئۈچ ياشتا كىچىك بولغانلىغى ئۈچۈن، ئەمىرلەرى ئىشقاۋۇلغا چىقىمىز دەپ ئېلىپ قېچىپ كاشغەرنى بېسىۋالدى، ئاندىن ئۆتۈپ ياركەنتنى قولغا كىرگۈزدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن سېرىق قۇمۇش، كەلپىن، زالى كۆلى قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالدى. ئاندىن كېيىن ئاقسۇنى قىرىق كۈن قامال قىلىپ تالان ـ تاراج قىلدى. ئاندىن ئۆتۈپ باي ئارقىلىق كۇچارنى بېسىۋېلىپ، كۇچار ئەھلىنى بالايى مېھنەتلەرگە دۇچار قىلدى. بۇ جايدىن ئۆتۈپ تارىم ئارقىلىق خوتەننى بېسىۋالدى، بۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ، نەچچە توققۇز قىز بالىنى ئېلىپ ئەنجانغا چىقىپ، ئەمىر تېمۇر كوراگانىغا ئىككى توققۇز قىز، سۇلتان مۇھەممەت مىرزاغا بىر توققۇز قىز تارتۇق قىلىپتۇ. لېكىن بۇ جايغا تاغىلىرىدىن بىجاۋاپ چىققانلىغى ئۈچۈن، بەدگۇمان بولۇپ، يىگىرمە سەككىز نەپەرنى تىغ سىياسىتىدىن ئۆتكۈزدى. ئىسكەندەر سۇلتاننى نەزەربەنت قىلدى. بۇ ئەھۋاللار «رەۋزە تۇسسافا»دا بايان قىلىنغان، لېكىن بۇ جايدا سېرىق قۇمۇش، كەلپىن، زالى كۆلى، تارىم دېگەن جايلار قايسى ماكاندا ۋە قايسى يەرلەرنىڭ نامى ئىكەنلىگى مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر ئىسكەندەر سۇلتاننىڭ كېلىپ كەتكەن ۋاقتى بىر يىلدىن كۆپرەك بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتى يەنە ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىلىرىگە تەئەللۇق تاپتى.

شۇنىڭدەك ئەمىر كەبىر تېمۇر كوراگانىنىڭ نەۋرىسى مىرزا ئۇلۇغ بەك كوراگانى قەشقەر ئۇلۇغى ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىسى قارا قۇل ئەخمەت مىرزىدىن خاپا بولۇپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، قەشقەرنى بېسىۋېلىپ تۆت يىل سوراپ، ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ، بۇ جاينى ئەمىرى ئىتائەتلىرىگە كىرگۈزگەن ئىكەن. مۇھەممەت ياقۇپ بەك ئاتالىق غازىدىن باشقا ماۋارائۇننەھرى، فەرغانە ۋىلايىتى ياكى ئەربىستان ئۇلۇغلىرىدىن كېلىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى بېسىۋېلىپ بىر يىل ياكى ئالتە ئاي مىقدارى سورىغانلىرى ھېچقانداق تارىخ كىتابلىرىدىن كۆرۈلمىدى ۋە مەلۇم بولمىدى. ئەمما موغۇل تايىپىلىرى نەچچە قېتىم ئەربىستان شەھەرلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ، نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، ۋەتىندار بولغانلىغى ھەممە تارىخ كىتابىدا ئاشكارا بايان قىلىنغان. (خۇدا ھەممىسىدىن بېھىرەك بىلگۈچىدۇر).

4

موغۇلىستان پادىشاسى تۇغلۇق تېمۇرخان (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلۇق جەننەتتە قىلسۇن)نىڭ ئەۋلاد ـ نەۋرىلىرىنىڭ زىكرى ۋە سانلىرى، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋەقەلىرى بايانى

تارىخ بىلگۈچىلەرنىڭ نازۇك ۋە كېلىشكەن ئۆلچەملىك تەبىئەتلىرىگە ھەم سۆزىنى گۈزەل سۆزلەيدىغان سۆزمەنلەرنىڭ چۇڭقۇر زېھىنلىرىدىن مەخپىي ۋە پىنھان قالمىغايكىم، تۇغلۇق تېمۇرخان بولسا ئىسەن بوقاخاننىڭ ئوغلى، ئۇ داۋاچېچەن خاننىڭ ئوغلى، ئۇ بۇراق خاننىڭ ئوغلىدۇر، بۇراق خاننىڭ مەشھۇر ئىسىملىرى سۇلتان غىياسىدىن بولۇپ، مۇسۇلمان ۋە دىندار ئادەم ئىدى. بۇ سىسۇ قاراننىڭ ئوغلى، بۇ مامۇكاينىڭ ئوغلى، بۇ چاغاتاي خاننىڭ ئوغلى، بۇ چىڭگىز قاغاننىڭ ئوغلى ئىدى.

تۇغلۇق تېمۇرخان ئون بەش ياشلارغا كەلگەندە، ئەمىر بولاجى دوغلاتنىڭ ياردەم دالالىتى ئارقىسىدا، ئاقسۇدا خانلىق تەختىگە ئولتۇردى، بۇ ھەقتە يۇقىرىدا توختالغان ئىدۇق، ئۇ يىگىرمە تۆت ياشلار چامىسىدا مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللا (ئۇنىڭ سىرى پاك ۋە مۇبارەك بولسۇن!)نىڭ قولىدا ئىسلام دىنىنىڭ سائادەت شەرىپىگە ئىگە بولدى، ۋەقەسىنى كېيىن بايان قىلىمىز ـــ ئىنشا ئاللا! (ئاللا سەۋەب قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر!)

بۇ چاغدا ماۋارائۇننەھرى شەھەرلىرى ئۆز بېشىمچىلىق ۋە زىددىيەتكە چۈشكەن ئىدى. تۇغلۇق تېمۇر ئىككى قېتىم لەشكەر تارتىپ بېرىپ تا قۇندۇزغىچە بولغان جايلارنى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈپ ياندى. بۇ چاغدا ئەمىر تېمۇر كوراگانى شەھىرى سەبىزگە ھاكىم ئىدى، ئىستىقبالىغا چىقىپ، ناھايىتى تولا سوغا ـ سالاملارنى تەقدىم قىلدى. فارامىن دەستۇرى بويىچە، ئۇ ئابايى ـ ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان ۋەزىرلىك مەنسىۋىگە لايىق ئىدى. ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ سەمەرقەنتتىكى چوڭ ئوغلى ئىلياس خوجانىڭ خىزمىتىدە قويۇپ، ئۆزى پايتەختى ئىلىغا قايتتى. ئاز پۇرسەتتىن كېيىن ئىلياس خوجاخان بىر تەرەپ بولدى. تۇغلۇق تېمۇر خانمۇ بۇ جاھانى مېھنەت غۇرۇرىدىن سارايى جەننەت شاتلىغىغا كۆچتى. بۇ چاغدا ئۇ ئوتتۇز تۆت ياشتا ئىدى، ئىلىدا دەپنە قىلىندى. جاھان ئەھلىنى ئوت ئازابىدا قويغان بۇ ۋەقە ھىجرى يەتتە يۈز ئاتمىش ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1364 ـــ 1365 ـ يىلى ـ ت) يۈز بەرگەن ئىدى. خەلق ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئىلى شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى جايلاردا شۇ زاماندىن باشلاپ ئىسلام دىنى شەرائىتى ئاشكارا بولدى.

لېكىن بۇ يەتتە شەھەر، خۇسۇسەن كاشغەرنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ھىجرى ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى (مىلادى 943 ـــ 944 ـ يىلى ـ ت) جانابى ئەبۇ زەردەت سەلىيۇللا ئەلەيھى ۋەسىللەمنىڭ بىشارىتى ئارقىسىدا، ئەبۇ نەسىر سامانى (111) كاشغەرگە كەلدى. بۇ چاغدا كاشغەردە بۇغرا خانلار نەسلىدىن ھارۇن بۇغراخان (112) ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مەزگىل ئىكەن. بۇ چاغدا ئوغلى سۇلتان ساتۇق ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. ئۇ ئاللانىڭ تەۋپىق ھىدايىتى بېرىپ توغرا يولغا باشلىشى، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ياردەم دالالىتى بىلەن مۇسۇلمانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالدى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئالدى بىلەن بۇ يەتتە شەھەردە مۇسۇلمان بولۇپ، ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى مۇسۇلمانچىلىق ئاشكارا بولدى. ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، پەقەت خوتەن ئوغۇلۇغا ئونىڭغا بوي سۇنماي ھىجرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككىنچى يىلى (مىلادى 982 ـــ 983 ـ يىلى ـ ت) ئاران ئىسلام دىنى شەرائىتىگە ئىگە بولدى. مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بەلكى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمرانلىغى بۇغرا خانلارغا تەئەللۇق ئىكەن، تا چىڭگىزخان زامانىغىچە بۇغرا خانلارنى ئەفراسىياپ (113) ئەۋلادىدىن ئىدى دېگەن رىۋايەتلەر بار. سۇلتان ساتۇق بۇغرا خاننىڭ قەۋرە ـ مازىرى ھازىر ئاتۇش دېگەن جايدا.

ئەمدى يەنە ئەسلى سۆزىمىزگە كەلسەك، تۇغلۇق تېمۇر خاندىن كېيىن ئوغلى خىزىر خوجا ئاتا مىراسى پايتەختكە ئىگە بولدى. بۇ شەرىئەت شۇئار، دىيانەتلىك، شىجائەتلىك ھەم باتۇرلۇقتا تەڭدىشى يوق كىشى ئىدى. خەلقنىڭ راھىتىنى ئويلايدىغان ۋە پۇقراپەرۋەرلىكتە باراۋېرى يوق ئىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگانى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۆز قىزى تەۋەككۈل بېگىمنى ئەمىر تېمۇرنىڭ ئەقدىگە سۇنۇپ، ئۇنى كوراگانلىق مەنسىۋى بىلەن ئۈستۈنلىدى. يۇرتلارنى خاتىرجەم قىلىپ بېيجىڭ (114) تەرەپكە غازاتقا ئاتلاندى. بۇ چاغدا تۇرپان، قاراخوجا، قۇمۇل ئەھلى دىنى ئىسلامدىن بىبەھرى ئىدى. بۇ جايلار خىزىر خوجا قۇلى بىلەن ئىسلام دىنى شەرائىتىگە مۇيەسسەر بولدى. بېيجىڭنىڭ كۆپ شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئاخىرى شاھادەت شەرۋىتى ئىچتى. جەسەدىنى ئېلىپ كېلىپ يەمشى دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. ئاندىن كېيىن ئوغلى شەمئى جاھان خان تەختتە ئولتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى مۇھەممەت خان تەختكە چىقتى، بۇ چاغدا ئۇ مىرزا ئۇلۇغ بەك رەسەت باغلىغانلىغىنى ئاڭلاپ، ئاتۇش ئۈستىدە تاش راباتنى بىنا قىلدۇردى. بۇ مۇسۇلمان، مۆمىن دىندار بىر كىشى ئىدى ۋە ياش ئالەمدىن ئۆتتى، دادىسىنىڭ ئايىغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن كېيىن شىر ئەلى خان تەختكە چىقتى. بۇ قالماقلار بىلەن تولا غازاتلارنى قىلىپ، ئاخىرى بۇ جاھا بىلەن ۋىدالاشتى، ئاندىن كېيىن ئوغلى ئۆۋەيس خان تەختكە مىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يۇنۇس خان ئون ئۈچ ياشتا بولۇپ، تېخى كىچىك ئىدى. ئۆۋەيس خاننىڭ ئەمىرلىرى ئېرزان بايىرىن، مىرەك تۈركمەنلەر باش بولۇپ، ئوتتۇز مىڭ لەشكەر بىلەن بىللە ئېلىپ قېچىپ، سەمەرقەنتتىكى مىرزا ئۇلۇغ بەكنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كىردى. ئارىدا نۇرغۇن قېتىم قاتتىق جەڭ ـ جىدەللەر بولۇپ ئۆتتى. ئاخىرى مىرزا ئۇلۇغ بەك غەلىبە قىلىپ، ئېرزان بايىرىن، مىرەك تۈركمەن قاتارلىقلارنى ئوتتۇز مىڭ ئەسكىرى بىلەن ئەسىرگە ئېلىپ ئولجا ـ ئەسىر قىلىپ، بىر قانچىسىنى تىغ سىياسىتىدىن ئۆتكۈزدى. يۇنۇس خاننى بولسا ھېراتتىكى دادىسى شاھرۇھ مىرزىنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى ۋە بۇ جايدىن يەنە شىرازغا سېلىپ، مەۋلانا شەرىپىدىن ئەلىيەزىدىگە (115) تاپشۇردى، بۇ ھەقتە يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئىدى.

يۇنۇس خان بولسا، ئۆلىما، مواللا ۋە دىندار كىشى ئىدى. پادىشا ۋە خانلارنىڭ ئىچىدە، مىرزا ئۇلۇغ بەكتىن قالسا، يۇنۇس خاندىن باشقا ئۆلىما، فازىل پادىشا ئۆتمىگەن بولسا كېرەك دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئىدى، خوجا ئەھرار ۋەلىيۇللاغا مۇرىت ـ مۇخلىس ئىدى، بۇ چاغدا يۇرتلاردا موغۇلىيە ئادەملىرىنى بەزى ئەۋباش ـ باشباشتاق ئادەملەر ئېلىپ قېچىپ بېرىپ، ھەرقايسى يۇرتلاردا ساتىدىكەن. جانابى ئەھرارى ۋەلىيۇللا: ”بۇنداق مۆمىن، مۇسۇلمان پادىشا ئىسلام پۇقرالىرى سېتىلىپ سېتىۋېلىنمىسۇن“ دەپ شەرىئەت ئەمىرى بويىچە يۇرت ئۇلۇغلىرىغا خەت توقۇتتۇرۇپ چىقىرىپ، بۇ ئەھۋاللارنى قاتتىق چەكلىپ نامە بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ پۇقرالارنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئىشلىرى ئاياقلاشتى.

يۇنۇس خان تاشكەنتتە ۋاپات بولدى، ئاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى مەھمۇت خان تەختكە ئولتۇردى. بۇ ئون ئىككى يىل خانلىق قىلدى. بۇ ئۆزبېك ئەۋلادىدىن شاھى بەك خان يەنى مۇھەممەتخان شەيبانى بىلەن ئۇرۇشقان ئىدى، شاھى بەك خان غالىپ كېلىپ، ئۇنى بەش ئوغلى بىلەن شېھىت قىلدى، خوجەندتىكى شەيخ مۇسلىھىدىن شىرازىنىڭ (116) ئايىغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن كېيىن كىچىك ئوغلى ئەخمەتخان تەختكە ئولتۇردى، بۇنى قالماقلار ئالاچەخان دەپ ئاتايتتى. بۇ تاشكەنتتە تۇرالماي كاشغەردىكى مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئۈستىگە كەلدى، ئۇرۇشتا يېڭىلەلمەي ئاقسۇغا باردى. لەشكەر يىغىپ باھار پەسلىدە يولغا چىقىپ كاشغەرنى ئالماق دەپ تەرەددۇت قىلىپ تۇرغاندا، ئەجەل پۇرسەت بەرمەي ئاقسۇدا ۋاپات بولدى. مىرزا ئابابەكرى كېلىپ ئاقسۇ خەلقىنى خىزمەت خانىغا يار بولدى دەپ قەتلىئام، تالان ـ تاراج قىلىپ، ئامان قالغانلىرىنى كۆچۈرۈپ ئالتىە شەھەرگە تارقىتىۋەتتى. ئوشبۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاقسۇ ئون ئالتە يىل ۋەيران بولۇپ، ھۇۋقۇشلارنىڭ ئۇۋىسى، دىۋە ـ پەرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلاندى. ئەخمەت خاننىڭ جەسەدىنى ئالتۇن دەپ ئاتىدى. چۈنكى موغۇللار خانلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئىززەتلەپ ”ئالتۇن“ دەپ ئاتايدىكەن. ھەتتا خانلار، ھاكىملارنىڭ بۇيرۇق، نىشانە خەتلىرىنىمۇ ”ئالتۇن نىشان“، ”ئالتۇن دەستەك“ دەپ ئاتايتتى. ئەخمەت خاننىڭ تاغىسى ئىسەن بوقا خاننىڭ ئالتۇن جەسىدىمۇ بۇ جايغا قويۇلغان بولۇپ، ئىككى خاننىڭ قەۋرىسى بىر يەردە ئىدى، خوجا شاھباز خوجام ۋاپات بولغاندا، بىننى خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللا (117) ئۇنى ”خانلارنىڭ ئايىغىدا دەپنە قىلىڭلار“ دەپ ئەمىر قىلغان ئىكەن. بۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇرىت ـ مۇخلىسلىرى ”خاننىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە دەپنە قىلمىزمۇ“ دەپ سورىغاندا، ”خوجا شاھبازنىڭ بېشى خاننىڭ كۆكرىگى بىلەن تەڭ بولسۇن، چۈنكى خانلارنىڭ ھۆرمىتى زىيادە“ دېگەن ئىكەن. نەتىجىدە خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن خوجا شاھبازنىڭ قەۋرىسى دەل مۇشۇ تەرىزدە ياسالغان ئىكەن.

ئەخمەت خاندىن ئون سەككىز ئوغۇل يادىكار قالدى، چوڭ ئوغلى مەنسۇرخان بولۇپ، قۇمۇلدىن كورلىغىچە بولغان جايلار ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئىدى. كىچىك ئوغلى سۇلتان سەئىدخان بولسا كابۇلدا بابۇر شاھنىڭ قېشىدا ئىدى، بۇ بىرنەچچە ئادەم بىلەن كېلىپ ئەنجاننى ئىلكىگە ئېلىپ، بۇ جايدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئاندىن كېيىن يەتتە شەھەرگە بارساق ئوبدان بولارمىكىن دەپ مەسلىھەت قىلىشىپ، دوغلات، دوختۇي، بارلاس، جوراس قاتارلىق توققۇز تەبىقىگە ئۇرۇغدىن تۆت مىڭ نەپەر نامدار باھادىر ـ مەردانىلەر بىلەن كاشغەرگە چۈشتى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىلىرىدىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ كاشغەر ۋە يەتتە شەھەرگە پادىشا بولغانلىغىغا قىرىق سەككىز يىل بولۇپ قالغان مەزگىل ئىدى. بۇلار ئارىسىدا ئۆزئارا جەڭ قىرغىنچىلىق بولۇپ، ئاخىرى مىرزا ئابابەكرى باراۋەرلىك قىلالماي قېچىپ بەدەخشان تاغلىرىدا يوق بولدى. بۇ يەتتە شەھەرنىڭ تەختى سەلەتەنىتى سۇلتان سەئىدخانغا قارار تاپتى.

مىرزا ئابابەكرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا غەزىنى، ياراق ـ جابدۇق چاھارپاي ۋە باغۇ ـ ۋارانلىرى ھەددىدىن زىيادە تولا ئىدى. خەلققە قىلغان زۇلۇم ـ جەبىرىسىمۇ بۇنىڭدىنمۇ دەھشەت ئىدى. ئەگەر بىر ئادەمدىن سەۋەنلىك ئۆتسە، ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، بارلىق مال ـ مۈلكىنى غەزىنىگە ئالار ئىدى. بەلكى ئۇنىڭ ئۇرۇغ ـ قاياشلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ”سېنىڭ ئۇرۇغىڭدىن بۇ ئادەم مۇنداق يامان ئىشلارنى قىلدى“ دەپ بىر باھانا قويۇپ، بار ـ يوقىنى تامامەن بۇلاپ ئالار ئىدى. مىرزا ئابابەكرى پادىشادەك زالىم پادىشا ئۆتكەنلىگى توغرىسىدا ھېچقانداق تارىخ كىتابىدا مەلۇمات يوق ئىدى. ئەگەر ھەركىمنىڭ ھەۋىسى تۇغۇلۇپ، مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلەي دېسە ”تارىخى رەشىدى“گە نەزەر سالغاي.

بۇ يەتتە شەھەر دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە سۇلتان سەئىد خانغا قارار تاپتى. ھەر قايسى شەھەرلەردىكى، مەيلى ئاقسۇلۇق ياكى باشقا شەھەرلىك ئارزۇمەن ئادەملەرنى كۆچۈرۈپ ئاقسۇدا ئورۇنلاشتۇردى ۋە بۇ جاينى ئاۋات قىلدى. شۇ سەۋەپتىن ئاقسۇنىڭ ئادەملىرى بىر بىرى بىلەن ئىتتىپاق ئەمەس. چۈنكى ئۇلار يۇقىرىقىدەك چاچقۇن ۋە پاراكەندە ئادەملەردىن جەم بولغان ئىدى. سۇلتان سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ غەزىنىە بايلىغىنى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بەردى. ھەممە ئادەم مال ـ دۇنياغا بىھاجەت ۋە بىنىياز بولدى. «تارىخى رەشىدى»نىڭ مۇئەللىپى مەرھۇم مىرزا ھەيدەر كوراگانى (خۇدا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلۇق قىلسۇن) ئۆز كىتابىدا: ”ئۇ چاغدا مەن ئون ئالتە ياكى ئون يەتتە ياشلاردا ئىدىم. پۇل ۋە دۇنياغا ئانچە ھەۋىسىم يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ تەقسىماتتا ماڭا نەق دۇنيادىن باشقا يەنە ئون يەتتە مىڭ قوي تەگدى، لېكىن مال ـ دۇنياغا ھەۋىسى بار ئادەملەرگە قانچىلىك تەگكەنلىگىنى ۋە غەنىمەت مال ھەم ئولجىنىڭ قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىگىنى شۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگىلى بولىدۇ“ دەپ يازغان ئىدى.

سۇلتان سەئىدخان (ئاللا ئۇنىڭ گۇناسىنى كەچۈرگەي!) مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز ۋە خاراپ بولغانلىغىنى بىلىپ ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ مال ـ دۇنياغا بىھاجەت بولغانلىغىنىمۇ سېزىپ، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ئون يىللىق باج ـ خىراجىنى پۇقرالارغا ئىنئام ۋە ئېھسان قىلىپ: ”ئون يىلغىچە پۇقرالاردىن بىر نەرسە ئالماڭلار، سالماڭلار، پۇقرالارمۇ بەرمىسۇن“ دېگەن مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە ئالەمنى قايىل قىلدۇرىدىغان ئىتائەت يارلىغىنى جاكالىدى. بەش يىلغىچە ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە ئۇلار خاراپ ۋە ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى، ھەتتا ئۆيىگە ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكىمۇ مەجبۇر بولدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئالتىنچى يىلىنىمۇ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يۇرتتا بىرنىمە دېيىشكە يول تاپالمىدى. خان بولسا يارلىغىدىن يانمىدى. ئاخىرى دۆلەت ئەركانلىرى مەسلىھەتلىشىپ ”جاھان پانا، بۇ يەتتە شەھەرگە بەقەر (كالا ـ ت) يىلى كەلگەن ئىدۇق، ھازىر ئات يىلى كىرىپ، بىز كەلگىلى ئون يىل بولدى. پۇقرالاردىن باج ـ خىراج ئالساق يارلىق بولارمىكىن“ دەپ تۆت يىلنى تاشلاپ، ئالتە يىلنى ئون يىل دەپ ھېسابلاپ خانغا مەلۇم قىلدى، خان ماقۇل بولۇپ يارلىق قىلدى. شەرىئەتكە مۇۋاپىق باج ـ خىراج ئالدى، يارلىق ـ نىشانلىرىغىمۇ پالانى يىلى دەپ يازدى. پۇقرالارمۇ شۇ يىلنى ھېساپقا ئالدى. باشقا شەھەرلەردىن بۇ يەتتە شەھەرنىڭ يىل ھېساۋى تۆت يىل ئەۋۋەل بولۇشىدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇڭىدا، ئەمميا تارىختىكى يىلنامىلىرى ئوخشاش. سۇلتان سەئىدخان يىگىرمە ئىككى يىل خانلىق قىلدى. قىرىق توققۇز يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى، بۇ ھىجرىيىنىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1532 ـــ 1533 ـ يىلى) بولۇپ، ياركەنتتە دەپنە قىلىندى.

ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇرەشىت خان تەختكە چىقتى. بۇ شىجائەتتە تەڭدىشى يوق، ساخاۋەت ۋە دىيانەتتە ناھايىتى ئۈستۈن بىر پادىشا بولۇپ، موللا، فازىل، شائىر بولۇپ، پارسچە، تۈركچە نەزملەرنى ياخشى ئېيتار ئىدى، مۇزىكا ئىلمىدە گۇياكى فىساغورۇس (پىپاگورۇس ـ ت) (118) ئىككىنچى ئىدى. «ئىشرەت ئەڭگىز» (خوشاللىق قوزغاتقۇچى ـ ت) دېگەن بىر مۇقام ئىختىرا قىلدى. بۇنىڭ دەۋرىدە ۋىلايەت تەرەپتىن خوجا مۇھەممەت شېرىپ بۇزرۇكۋار (119) (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!) كەلدى. سۇلتان ئابدۇرەشىت خان بۇ زاتقا ئىرادە ۋە ئىشەنچ باغلاپ، بىرنەچچە ياخشى ئىشلارنى قىلدى، مىرزا ھەيدەر كوراگانى بىننى مىرزا مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگانى ئالى دەرىجىلىك ئابدۇرەشىت خاننىڭ مەشھۇر نامىغا بېغىشلاپ تارىخ يېزىپ، ئۇنى «تارىخى رەشىدى» دەپ ئاتىدى. ئابدۇرەشىتخان قىرىق توققۇز يىل ئۆمۈر كۆردى. يىگىرمە يەتتە يىل خانلىق قىلدى. ھىجرى توققۇز يۈز ئاتمىش توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1561 ـــ 1562 ـ يىلى) ۋاپات بولۇپ، ياركەنتتە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ئابدۇلكېرىم خان تەختتە ئولتۇردى. ئادالەتلىك بىلەن يۇرتلارنى ئاۋات قىلدى، زۇلۇمنى يوق قىلدى. يامان ئادەملەرنى بەربات قىلدى ۋە ”ئابدۇلكېرىم ئادىل“ دەپ شۆھرەت تاپتى. ئوتتۇز ئۈچ يىل خانلىق قىلدى. ھىجرى مىڭىنچى يىلى (مىلادى 1591 ـــ 1592 ـ يىلى) ۋاپات بولۇپ، ياركەنتتە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ بىر ئىنىسى سوپى سۇلتان كاشغەرگە ھاكىم ئىدى. يەنە بىر ئىنىسى مۇھەممەت سۇلتان ئاقسۇغا ھاكىم ئىدى. بۇنى ئاقسۇدىن ياركەنتكە ئېلىپ كېلىپ خان كۆتەردى. بۇ ھەم پادىشا، ھەم دەۋرۋىش كىشى ئىدى. خان بولۇپ سەكسىزىنچى يىلى ۋىلايەت تەرەپتىن مۇرىشىلىكنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى ۋە لايىغى بولغان خوجا ئىسھاق بىننى مەخدۇم ئەئزەم (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!) كەلدى. مۇھەممەت سۇلتان بۇنىڭغا ئىرادەت ۋە ئىشەنچ باغلاپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى پەيدا قىلدى، تەپسىلىي بايان قىلساق سۆزىمىز مەقسەت تەرەپتىن يىراقلايدۇ. مۇھەممەت سۇلتان يەتمىش يىل ئۆمۈر كۆردى، ئون سەكسىز يىل خانلىق قىلدى. ئاندىن ئوغلى زىيائىدىن ئەخمەت خانلىققا ئولتۇردى. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆز ئادەملىرى بارچۇقدا (مارالبېشىدا ـ ت) شېھىت قىلدى ۋە ”خان شېھىت“ دەپ مەشھۇر بولدى، ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇللەتىپ سۇلتاننى خان قىلدى، ئۇ ئون ئىككى يىل خانلىق قىلدى، يىگىرمە ئالتىنچى يېشىدا ۋاپات بولدى. ئاندىن كېيىن پولات خان، مەھمۇت خانلار ئۆز ئەھۋالى بويىچە خان بولۇپ، ئۆزئارا ماجىرالارنى باشلىدى.

ئەلقىسسە، مۇندىن كېيىن ئابدۇرەشىت خاننىڭ توققۇزىنچى ئوغلى ئابدۇرەھىم خان مەنسۇر خاننىڭ دەستۇرى بويىچە قۇمۇلدىن كورلىغىچە بولغان جايلارغا خان ئىدى. مەزكۇر ئابدۇرەھىم خاننىڭ بىرىنچى ئوغلى ئابدۇللاخانغا خانلىق تېگىپ تەختى سەلەتەنەتكە ئىگە بولدى. بۇ چاغدا تارىخ ھىجرى مىڭ قىرىق سەكسىزىنچى يىلى (مىلادى 1638 ـــ 1639 ـ يىلى) بولۇپ، ئۇ ئوتتۇز ئىككى يىل ئابايى ـ ئەجداتلىرىنىڭ پايتەختىدە ئولتۇردى. ئابدۇللاخان شىجائەت ـ باتۇرلۇقتا گەداشىز، ھىممەت ۋە ساخاۋەتتە كەم بولمۇق پادىشا ئىدى. لېكىن يەنە رەھىمسىز، زالىم، پەيلى يامان، جاھىل، نادان ۋە تېچى، گۇمانخور ئادەم ئىدى. ئۇ بۇرۇنقى خانلاردىن قالغان ئىشەنچلىك، ياخشى نىيەتلىك، دۆلەتخۇاھ بەگزادە ۋە مىرزىلارنىڭ ھەتتا ئۆزىگە باش ئەگكەنلەردىنمۇ گۇمانلىنىپ، ئۇلارنى يۇرتتىن قوغلىدى. بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى. ھەتتا ئۆز ئىنىسى ئىسمائىل سۇلتان، ئىبراھىم سۇلتانلارنىمۇ قوغلىدى. بىر ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ھېچقانداق ئادەمگە ئىشەنمىدى. بەلكى ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ گۇمانلاندى. پەرزەنتلىرىمۇ دادىسىدىن خاتىرجەم بولالمىدى. قىسقىسى، يۇرتلارغا قىرغىزلارنى ھاكىم قىلدى، قوي سارى بېيىنى كاشغەرگە ھاكىم قىلدى، ئولجاتاي بېيىنى ئاقسۇغا ھاكىم قىلدى، خوجايار بېيىنى كۇچارغا، ئالتە قۇرتغا بېيىنى ئۇچتۇرپانغا، چىرىكى (چېرىكچى) بېيىنى بۈگۈرگە، ئاللا يار بېيى بىننى ساتىم بېيىنى خوتەنگە ھاكىم قىلدى. مەنسەپنىڭ تۇلۇسىنى قىرغىزلارغا بەردى. ئاخىرى قىرغىزلار ۋە يۇرتلاردىنمۇ گۇمان قىلدى، ناھەق قانلارنى تۆككەچ، ئۆزىدىن خاتىرجەم بولالماي، ئىلاجىسىز مەككە مۇئەززەمەگە بارىمەن دەپ، ئابدالىشىپ يولغا راۋان بولدى. يۇرتنى ئوغلى يۇلۋاس خانغا تاپشۇردى. بۇ ۋاقتىدا تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ سەكسەن يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1669 ـــ 1670 ـ يىلى) موغۇلىيە پايتەختى يۇلۋاس خانغا تەئەللۇق تاپتى. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن بومۇ بىر تەرەپ بولدى. ئاندىن كېيىن ئەمەكىلىرى ئىسمائىل خان بىننى ئابدۇرەھىم خان تەختتە ئولتۇردى. پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە ئادالەت نۇرىنى چاچتى. ھەممە پۇقرا خاتىرجەم بولۇپ يۈكسەك تۇرمۇشقا ئىگە بولدى.

بۇ خاننىڭ زامانىدا ۋىلايەت تەرىپىدىن مەخدۇمى ئەئزەمنىڭ پەرزەنتى ۋە نەۋرىسى خوجا يۈسۈپ خوجام ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ھىدايىتۇللا (مەشھۇر ئىسىملىرى خوجا ئاپاق) قاتارلىق ئىككى ئادەم كاشغەرگە كەلدى. (120) ئىسمائىل خان خوجا يۈسۈپ خوجامغا ئىناۋەت ۋە ئىرادە باغلىدى. بىر بانا بىلەن سەيىدلەر ئارىسىدا ۋە مۇرىتلەر ئىچىدە، يۇرتلار ئوتتۇرىسىدا قارشىمۇ ـ قارشىلىق ۋە جىدەل ـ ماجىرالار پەيدا بولدى. چۈنكى، جانابى سەيىد مەخدۇمى ئەئزەم، ئىسمى شېرىپلىرى خوجا مۇھەممەت خوجەكى (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!)دىن رۇكىن تەرىقىتىدە تۆت ئوغۇل يادىكار قالغان ئىدى. بۇلار خوجا كالان، خوجا مۇھەممەت ئىمىن ۋە خوجا دوستى، خوجا ئىسھاقلاردىن ئىبارەت.

خوجا ئىسھاقنىڭ ئانىسى ئەسلى كاشغەرنىڭ ئىپتىخارلىق ئۇلۇغلىرىدىن بولغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازىنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى ۋە مەخدۇمى ئەئزەمنىڭ خوتۇنلىرى ئىچىدە ئەڭ كىچىگى بولۇپ، فازىل ۋە كامالىتى زىيادە ئايال ئىدى. بۇ يەتتە شەھەر زېمىنىغا ئالدى بىلەن ئىسھاقى ۋەلىيۇللا قەدەم تەشىرپ قىلغان ئىدى. بۇ چاغدا مۇھەممەت خان خانلىق تەختىدە تۇرغان مەزگىل ئىدى. ئۇ خوجا ئىسھاققا مۇرىت ـ مۇخلىس بولۇپ، مەرتىۋە ـ كامالەت ھاسىل قىلدى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ يۇرت ـ پۇقرالىرىمۇ خوجا ئىسھاققا مۇرىت ـ مۇخلىس بولۇپ كەلگەن ئىدى. خوجا ئىسھاق تىن كېيىن، ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا مۇرىت ـ مۇخلىس بولدى. ئۇلار خوجا ئىسھاقنىڭ نەۋرىلىرى خوجا شۇئەييۈپ خوجا ۋە دانىيال خوجامغا مۇرىت ـ مۇخلىس بولغان زامانلاردا، خانلىق نۆۋىتى ئىسمائىل خانغا كەلگەن ئىكەن.

بۇ كۈنلەردە ۋىلايەت تەرەپتىن مۇھەممەت ئىمىن خوجامنىڭ پەرزەنتلىرى خوجا يۈسۈپ خوجام، نەۋرىسى خوجا ئاپاق كاشغەرگە كەلدى. ئىسمائىل خان: ”خوجا شۇئەييۈپ بىلەن خوجا دانىيال ئىككى پىر زادىمىز بولسا تېخى ياش ۋە كىچىك، خوجا يۈسۈپ خوجامنىڭ يېشى چوڭ ئىكەن، ھەممىلىرى بىر دەرەخنىڭ شېخى ۋە مېۋىسى ئىكەنلەر“ دەپ خوجا يۈسۈپ خوجامغا ئىناۋەت قىلدى. مەزكۇر ئىككى خوجا زادىدىلەر: ”ئەي خان، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغا مۇرىت ـ مۇخلىس بولۇپ كەلگەن ئىكەنسىلەر. ئەمدى بىزنى تاشلاپ خوجا يۈسۈپ ئاغىمىزغا ئىناۋەت قىلىپلا“ دەپ خاپا بولۇپ خانغا ئەرز قىلدى. خان دېدىكى: ”پىر زادىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى رەنجىمىسۇن دەپ خىيال قىلغان ئىكەنمەن، ھېلىمۇ ئۆزلىرى بىزگە باش، ھەممىمىزلا ئەۋراھى ھەزرەتلىرىگە (ھەزرەتلەرنىڭ روھلىرىغا ـ ت) يۈزلىنىپ تەۋەججۈ قىلساق (ئىستىخارە قىلىپ باقساق ـ ت)، ئۇنىڭدىن قانداق ئىجازەت بولسا شۇنىڭغا قاراپ ئىش تۇتساق“ دەپ پۇرسەت ئىجازەت بەردى. كېچىسى ئىسمائىل خان چۈش كۆردى. چۈشىدە بىر چوڭ تۆگە ئىككى تايلاقنى قوغلاپتۇ. مەزكۇر ئىككى تايلاق ئوشتۇمتۇت ئارقىغا يېنىپ بۇغرا تۆگىگە بىلەن ئېلىشىپتۇ. ئاخىرى بۇغرا تۆگە ئۆزىنى چەتكە ئېلىپتۇ. نەتىجىدە ئىسمائىل خان ئويغىنىپ كېتىپتۇ. خوجا يۈسۈپ خوجام باشلىق خوجا زادىدىلەرگە مۇراقىبەدە (روھىي تەۋەججۈدە ـ ت) خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقە يۈز بېرىپتۇ. خوجا يۈسۈپ بۇ جايدا تۇرۇشىنى مۇناسىپ كۆرمەي، ئوغلىنى ئېلىپ كاشغەرگە راۋان بولدى ۋە ئۆزۈن ئۆتمەي ئۇنىڭ روھى قۇشلىرى ئالەم باقىغا ئۇچۇپ كەتتى، كاشغەردە دەپنە قىلىندى. خوجا ئاپاقمۇ بۇ جايدا تۇرالماي سەپەرنى ئىختىيار قىلىپ ئىلى شەھىرىگە كەتتى.

بۇ چاغدا ئىلى شەھىرىدە جوراس نەسلىدىن بولغان قون تەيىجى (121) دېگەن بىر مۇناپىق قالماق بارلىق قالماقلارغا، ھەتتا خاقانى چىننىڭ بەزى رايونلىرىدىن تۈركىستانغىچە بولغان جايلارغا ئۆز ھۆكۈمىنى جارى قىلاتتى ۋە تۆرە دېگەن نام بىلەن خۇددى خان ۋە پادىشالارغا ئوخشاش مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر دائىم چىشلىرىنى بىلەپ، ئىشتىھاسىنى توغرىلاپ تۇرماقتا ئىدى. دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە خوجا ئاپاق قون تەيىجىگە ئۆزىنى تاشلاپ: ”ماڭا چېرىك بېرىسىڭىز، ئالتە شەھەرنى سىزگە تەۋە قىلىپ ئىلىكىڭىزگە ئۆتكۈزسەم“ دېگەن مەزمۇندا ئەرز قىلدى. قون تەيىجى ناھايىتى خوشال بولۇپ بىرنەچچە چېرىك قوشتى. ئاپاق خوجا قالماق قون تەيىجى مۇشرىك (خۇداغا شېرىكلىك قىلغۇچى ـ ت)نىڭ مۇددىئا ۋە ياردىمى ئارقىسىدا، يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئىسمائىل خاننى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن قوشۇپ ئىلىغا كۆچۈرۈپ چىقتى. بۇ ھىجرىيىنىڭ بىر مىڭ يىگىرمە ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1613 ـــ يىلى) ئىدى (122).

ئاپاق خوجا بۇ يەتتە شەھەرگە ئىگە بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. قالماقلاردىن غالدان سىرىن (123) دېگەن بىر كىشىگىمۇ چوڭ مەنسەپ بېرىپ، يەنە بىر قانچە قالماقنى يار ۋە ھەمدەم قىلىپ يەتتە شەھەر ئىشلىرىدىن خەۋەر ئالىدىغان قىلدى. قالغان قالماقلار بولسا ئىلىغا ياندىغان بولدى. بۇلار قۇرۇق يېنىشنى مۇناسىپ كۆرمەي، يۇرت ـ يۇرتلاردىن بوز ـ خام يىغدۇرۇپ، قالماقلارغا ئەھۋالىنىڭ يېتىشىچە تەقدىم ۋە ئىنئام قىلدى. لېكىن بۇ چاغلاردا يەتتە شەھەردە پۇل يوق ئىدى. پۇلنىڭ ئورنىدا بوز ـ خامنى ئىشلىتەتتى. قالماقلار ھەر يىلى بۇنداق بوز ـ خامنى تەمە قىلاتتى. بەرىي (بويان ـ ت) بۇ سېلىق ـ تۈلەملەرنىڭ مىقدارى يىلدىن يىلغا كۆپەيدى. ئامانەت بۇنداق يامان ۋە نالايىق مەجبۇرىيەتلەر مۇسۇلمانلارنىڭ زىممىسىگە چۈشەتتى.

ئەي ئەزىز يارىيەلەر! ئۇ زاماننىڭ پېشۋالىرى ۋە باشلامچىلىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىغى ئۈچۈن دىنسىز ـ مۇشرىكلارنىڭ خىزمىتىنى لازىم تۇتۇپ، ئىسلام پادىشالىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە كاپىرلارنى ئولتۇرغۇزغاندىن باشقا، يەنە زۇلۇم، قەبىھە ئىشلارنى پەيدا قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ پۇل ۋە مال ـ دۇنياسىنى كاپىرلارغا ئېلىپ بېرىپ، بەش كۈنلۈك دۇنياغا مەغرۇر بولۇپ ئۆتۈپتۇ. بۇ زاماننىڭ قاراچۇق ئاۋام بەگلىرى، تۈڭچى ـ تىلماچ ئەمەلدارلىرى يامان دەپ شەك ـ شىكايەتكە قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن. خۇداۋەندە كېرىم ئۇلارنىڭ ئىنساب ۋە دىيانەتلىرىنى پاكىز ۋە زىيادە قىلغاي، ئامىن!

سۆزنىڭ ھاسىلسى شۇكى، بۇنداق يامان نالايىق ئىشلار تا ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلغىچە (مىلادى 1864 ـــ 1865 ـ يىلغىچە)، يەنى راشىدىن خوجام زامانىغىچە باقى ۋە جارى بولۇپ كەلدى. خوجا ئاپاق بىرنەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى خوجا ئەخمەت خوجام ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەپ ھۆكۈمران بولدى. بۇ زاماندا ئىسمائىل خاننىڭ ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن خان باش كۆتۈرۈپ، خوجا ئەخمەت خوجام بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ، قون تەيىجىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ ھۆكۈمران بولدى. بۇ چاغدا قون تەيىجى چېرىك ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى ئىككىنچى قېتىم قولغا كىرگۈزدى. خوجا ئەخمەت خوجامنى ئىلىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مۇھەممەت ئىمىن خانمۇ بۇ جايدا تۇرالماي ئۆزىنى ئالاي تەرەپكە ئالدى ۋە بۇ جايدىكى قىرغىزلار ئۇنى شاھادەتلىككە يەتكۈزدى.

بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتى خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللانىڭ نەۋرىسى خوجا دانىيال خوجامغا تاپشۇرۇلدى. بۇ قالماقلار بىلەن يېلىشىپ يۇرت سورايىدىغان بولدى. خوجا دانىيال خوجام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى خوجا ئابدۇللا خوجام تەختتە ئولتۇردى، بۇ خوجامنىڭ دەۋرىدە تولا ئوبدانلىق بولدى. بۇ چاغدا «سەيەر شېرىپى (124)» خوجا ئابدۇللا خوجامنىڭ نامىدا تۈركى تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ياقۇپ خوجام تەختتە ئولتۇردى ۋە ”خوجا جاھان“ دېگەن لەقەپ بىلەن ئاتالدى، ئۇنىڭ بىر ئىنىسى خوجا يۈسۈپ خوجام كاشغەرگە ھاكىم بولدى. يەنە بىر ئىنىسى خوجا خامۇش خوجام ئاقسۇغا ھاكىم ئىدى. خوجا ئەبەيدۇللا خوجام خوتەندە ئىدى. قالماقلار ھەرقايسى خوجامنىڭ بىرىدىن ئوغۇللىرىنى ئىلىدا بارىمتاي قىلىپ ساقلار ئىدى. خوجاملار ھەر يىلدا بىر نۆۋەت ياكى ئىككى نۆۋەت تارتۇق ـ ھەدىيەلەرنى ئېلىپ ئىلىغا چىقىپ، مەزكۇر تۆرەگە تازىم سالاملىرى قىلىپ كۆرۈنۈش بېرىپ، جاۋاپ بولغاندا يېنىپ كېلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز جاي ـ ماكانلىرىدا تۇراتتى.

خوجا يۈسۈپ خوجام ئوچۇق كېڭەشلىك، تازا تەدبىرلىك كىشى ئىدى. تولا سوغا ـ سالاملار بىلەن ئىلىغا چىقىپ، قون تەيىجىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ، ھېلە ـ تەدبىرلەر بىلەن خوجا زادىلارنى ئاجرىتىۋېلىپ، ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن يۇرتىغا راۋان بولدى. مۇزات داۋانىغا يېتىپ كەلگەندە، تۆرە پۇشايمان قىلىپ، يارلىغىدىن يېنىپ، خوجالارنى ياندۇرۇپ كەلسۇن دەپ كىشى ماڭدۇردى. خوجاملار بۇ كەلگەن ئادەملەرگە بوي سۇنماي، داۋاننى ھېكمەت بېكىتىپ، ئاقسۇغا كېلىپ، ئۆتكەن ۋەقەلەرنى شەھەر ـ شەھەرگە خەۋەر قىلىپ، ”ھەر بىرىڭلار ئۆز شەھەرىڭلاردىكى قالماق نىجىسلىرىنى بۇ پاك زېمىندىن يىراق قىلىپ، گەدىنلىرىگە ئىسلام قىلىچىنىڭ تىغىنى ئايىماي ئۇرۇڭلار“ دەپ خەت ئەۋەتتى. خەت يېتىپ بارغان ھامان ھەممە قارا خانلىرىنى تاۋابىئاتلىرى بىلەن يوق قىلىپتۇ. ئۇ زاماندا قالماقلارنى ”قارا خان“، مۇسۇلمانلارنى ”ئاق خان“ دەپ ئاتايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرلەردىكى كاپىرلارنى يوق قىلىپ، ئەمىر ئىتائىتىدىن چىقىپ، ئىسلام شېرىپىنى يېڭىۋاشتىن ئاشكارا قىلدى. قون تەيىجى ئۆزىنى راستلاپ ئىنتىقام ئالغىچە يوقلۇق خىلۋەتخانىسىدىن ماكان تۇتتى.

قون تەيىجىنىڭ ئورنىغا ئوغلى داباچى تۆرە بولدى. ئۇنىڭ كىچىك خوتۇنىدىن بىر ئوغلى بار ئىدى، بۇنىڭ جامائەت ۋە ئەل ـ ئولۇسى كۆپ ئىدى. ئۇ كىچىك ئوغلىنى تۆرە قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، تۇساتتىن جىدەل ـ ماجىرا پەيدا بولدى. دۆلەت ئەركانلىرىمۇ ئىككى پىرقىگە بۆلۈپ، قالماقلار ئىچىدە جەڭ ـ جىدەل باشلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامۇرسانا ناملىق شۆھرەتلىك بىر قالماق باھادىر بار ئىدى. ئۇ ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ خاقانى چىننىڭ خىزمىتىگە بېرىپ خاقانغا: ”موغۇلىستان يۇرتىنى ئۇلۇغ خانغا تەۋە قىلىپ بېرەي، ماڭا چېرىك ياردەم بېرىلسە“ دەپ ئەرز قىلغاندا، خاقان خوشال بولۇپ چېرىك قوشتى. ئۇ ئىلى چېگراسىغا يېتىپ كەلدى، داباچى بۇنىڭغا باراۋەرلىك قىلالماي، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىشىچە غەزىنىلىرىنى ئېلىپ بىرنەچچە ئۆزىنى يېگەن ئىشەنچلىك ئادىمىنى ھەمرا قىلىپ قېچىپ چىقتى. ئۇ نەگە بېرىشنى بىلمەي، ئاخىرى بۇرۇن قون تەيىجى تەرىپىدىن ئۇچتۇرپانغا ھاكىم قىلىپ بەلگىلەنگەن خوجەسى بېك دېگەن بىر مۆتىۋەر كىشىدىن ۋاپا ۋە ئۈمىت ئىزدەپ ئۇچتۇرپانغا كەلدى. خوجەسى بېك ئىستىقبالغا چىقىپ ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەردىن كېيىن ئۆز ئوردىسىغا چۈشۈردى. ئۇنىڭ ئۈچ يۈز ئادىمىنى ھەر بىر جايغا تارقىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياخشى زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزدى.

خوجەسى بېكنىڭ ھېلە ـ تەدبىرى زىيادە كىشى ئىدى. تۆرەنى ئوردىسىغا باغلاپ ئالدى ۋە ئادەملىرىنى چۈشكەن جايلىرىدا باغلاپ، ئۇنىڭ غەزىنىبايلىقلىرىغا ئىگە بولدى. بۇ چاغدا ئىلىغا خىتاي چېرىگى كەلگەنلىگى ئاڭلانغان ئىدى. ئۇ بۇ كاپىر نىجىسىنى كەلـمەكچى كاپىر ناپاكقا سوغا قىلىپ ئېلىپ بارسام، مۈندىنمۇ ياخشى ئىش بولامدۇ دەپ قارار قىلىپ، داباچىنى ئۆزى بىللە ئېلىپ يولغا راۋان بولدى. ئۇ تىكەسكە يېتىپ بارغاندا خىتاي چېرىگىنىڭ ئۇلۇغى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ۋەقەنى بىر ـ بىرلەپ بايان قىلدى. خىتاي چېرىگىنىڭ ئۇلۇغى: ”ئەي خوجەسى بېك، بۇ تۆرەلەر ئۇلۇغ خاننىڭ چوڭ دۈشمىنى ئىدى. ياخشى ۋاقتىدا ئېلىپ كېلىپسىز، ئەمدى ئۆزىڭىز ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىپ يانغايسىز“ دەپ ئالاھىدە ئەرز يېزىپ ئادەم قوشۇپ بېيىجىڭغا ماڭدۇردى. ئۇلۇغ خان خوجەسى بېكنىڭ بۇ خىزمىتى كۆڭلىگە ياققانلىغى ئۈچۈن، ئۇنى ۋاڭلىق مەنسىۋى بىلەن جۈلدۈ ـ جاساق قىلىپ يارلىق قىلدى.

نەزم:

تۇتتىلەر داباچىنى تارتۇق قىلىبان خوجەسى،

ئانداق ئىش قىلغانغا مۇندىن كېيىن كېرەكدۇر جۈلدۈسى.

ئاندىن كېيىن خوجەسى بېكنىڭ ئوغلى قادىر بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يەتتى. چىن خاقانى ئالدىدا جۇڭتاڭ ۋەزىرلەرى باراۋېرىدە ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزدى ۋە خاس ۋەزىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇلمۆمىنبەك، يەنى مەشھۇر ئىسىملىرى كۈچى بېك ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يەتتى. بۇ خاننىڭ ئوغلى بىلەن پەيۋەنگە مۇپتىلا بولۇپ، نالايىق ئىشلارنى پەيدا قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلۇغ خان خاپا بولۇپ ۋاڭلىغىنى بىكار قىلىپ، ھەققىنى غەزىنىگە سالدى ۋە ”لى فاييا“ (لى فايۈەن ـ ت) تاپشۇردى. شۇنداقلا قەدىمدىن بۇيانقى ”لۇۋايەن“ (لى پەنيۈەن ـ ت) قائىدىسى ۋە رەسمىيەتلىرى بويىچە خوجەسى ۋاڭنىڭ ۋاڭلىغىنى تۆت ھەسسە قىلىپ، ئۈچ ھەسسە ۋاڭلىق ھەققىنىمۇ غەزىنىدە قويۇپ، بىر ھەسسىنى ئۆمەكزادىلىرى ئابدۇلرەھمان بېگىمگە يارلىق قىلغان ئىكەن.

ئابدۇلرەھمان بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئۇلانغاندىن كېيىن ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. تولا ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلىپتۇ. بۇ كىشىنىڭ ئەقىدە ـ ئىخلاسلىرى پاكىز، ئىنئام ۋە ئېھسانلىرى زىيادە ئىدى. بىر قېتىم تەرىقەت ئەھلىنىڭ غەۋسىيە (125) گۇرۇھىدىكى بىر ئىشانغا بىر قېتىمدىلا بىر يۈز ئون بىر يامبۇ نەزىر ـ ھەدىيە بەرگەن ئىكەن. باشقىلارنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ياركەنتكە ھاكىم بولغان چاغدا بىر كاتتا سوراق ئىشى بولۇپ، ھەممە خان، ئامبال ۋە مەنسەپدار خىتايلار، بېك، ئاخۇنلار يامۇلغا يىغىلىپ تۇرغان ئىكەن. بۇ كۈنلەردە ھاۋا ناھايىتى سوغۇق مەۋسۈمى بولۇپ، ئاپتاپ دالدىغا بۇرچىدا تۇرغان ۋە قىشنىڭ شىددەتلىك شىۋىرغانلىرى، بەھمەن (شەمىسىيە 11 ـ ئاي ـ ت) ئېيىدىكى قاتتىق شاماللار قوزغالغان بىر مەزگىل ئىدى. مەزكۇر خان، ئامباللار سوراق ئورنىغا چىقالماي، ھايال بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ئەسلىدە ھامان مەدرىسىدىن چىقماي ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، شېئىرىيەتچىلىكتە زېھنى ـ ئىدىرەكلىرىنى ئويىنتىپ، غەزەل ـ ناخشىلارنى پەيدا قىلىپ يۈرگەن مۇھەممەت نىياز ئاخۇنۇم دېگەن بىر كىشى بۇ سوراقنى تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. بۇنى بۇ كىشىنى ۋاڭ بېگىم كۆرۈپ چاقىرتىپ: ”سىز مەدرىسىدە ياتقان تالىپ بولسىڭىز، بۇنداق يەرگە نېمە ئۈچۈن چىقتىڭىز“ دەپ سىياسەتكە ئالدى ۋە زاڭلىق قىلغان ئاھاڭ بىلەن يۇمشاققىنا قىلىپ، ”سىزنى ئوبدان شېئىر ئېيتىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، قېنى بۇ سوغاق توغرىلىق بىر نەرسە دېسىڭىز“ دەپ مېھرىبان بولغاندا، ئۇ ھېچ ھايال قىلمايلا بۇ نەزمنى ئوقۇدى:

مۇزلادى كەشمىر قولىدا كاڭكىرە كاڭدا خىتاي،

بېككە تىترەك چۈشتى ئاخۇن مۇزلادى، گاھ توڭلادى.

ئۇ بۇ ئوسلۇپتا ئون نەچچە بېيىتنى، كېيىنى ـ كېيىنىدىن توختاتماي ئېيتقان ئىكەن. بېك ناھايىتى خوش بولۇپ، تەھسىن ـ ئاپىرىن ئوقۇپ ”مېنىڭ ئېتىمنى مىندۈرۈپ قويۇڭلار“ دەپ ئېتىنى ئىنئام قىلىپتۇ. ئاتنىڭ ئۈستىدىكى ئىگەر ـ جابدۇق، جۈگەن ـ نوختا ۋە يوپۇق ـ قوشقۇن قاتارلىقلار ناھايىتى تولۇق بولۇپ، ۋاڭلىق جەرەكىمەرتىۋىسىگە لايىق ئىدى. شائىر ئاتنى مىنىپ مەدرىسىگە كىرىپ، ئات ۋە ئىگەر ـ جابدۇقلىرىنى قىممىتىگە سېتىپ، يەنە ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. دېمەك، ۋاڭ بېگىمنىڭ بۇ خىل ياخشى سۈپەتلىرى ۋە نامى ـ نىشانلىرى ھەققىدىكى مەدھىيىلەر تولا زىيادە.

ئابدۇلرەھمان ۋاڭ بېگىمدىن كېيىن مۇھەممەت ئەزىز بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يېتىپ، خوتەننى سوراپ ئۆتۈپتۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان موللا مۇھەممەت نىياز ئاخۇنۇم (ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) «تارىخى رەشىدى»نى بۇ ۋاڭ بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ تۈركى تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نۇرغۇن لەقەپ ۋە سۈپەتلەرنى بايان قىلىپتۇ. بۇ ۋاڭ بېگىمدىن ئىككى ئوغۇل يادىكار قالدى، بۇلار مۇھەممەت ئىمىن بېگىم ۋە ئابدۇلۋاھاپ بېگىملەر ئىدى. مۇھەممەت ئىمىن بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىدە ئۆتتى. ئوغلى يوق بولغانلىقتىن ئابدۇلۋاھاپ خان بېگىمنىڭ ئوغلى ئابدۇلقادىر بېگىمگە ۋاڭلىق مەنسىۋى يەتتى. بۇنىڭ مەشھۇر ئىسىملىرى ۋاڭ خوجامدۇر.

ئەلقىسسە، ئامۇرسانا خاقانى چىننىڭ مۇددىئا ۋە ياردىمى ئاستىدا ئىلى تەۋەسىنى قولغا كىرگۈزدى. خاقان مەنسەپدارلىرى قالماقستان يۇرتلىرىنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىغىنى تامامەن ئامۇرسانىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى. جۈملىدىن بۇ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈش تەرەددۇتىغا كىرىشتى. ئىلىدا خوجا ئاپاق ئەۋلادىدىن خوجا بۇرھانىدىن دېگەن بىر سەيىد كىشى بار ئىدى ۋە ئاق تاغلىقلارنىڭ ئۇلۇغ پېشۋاسى ئىدى. ئاق تاغلىقلار تايىپىسى خوجا ئىسھاقنىڭ نەۋرىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا، قارا تاغلىقلارنىڭ دەستى ۋە تەئەددىسىدىن ئازار يېگەنلىگى ئۇنتۇلمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئامۇرسانا قاتارلىقلار ”سەيىد بۇرھانىدىننى باش قىلىپ، يەتتە شەھەرگە ئەۋەتسەك، بۇ جاي ئاسان قولغا چۈشىمىكىن“ دەپ مەسلىھەت قىلىشىپ، ئۇنى نۇرغۇن قوشۇن بىلەن يولغا سالدى. بۇ ئاقسۇغا كېلىشى بىلەنلا ئاق تاغلىقلار ئىستىقبالغا چىقىپ، ئاقسۇنى ئۆتۈنۈپ بەردى. بۇلار بۇ جايدىن ئۆتۈپ ئۇچتۇرپاننى ئىگىلىدى.

خوجا يۈسۈپ خوجام بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ، كاشغەردىكى ئوغلى خوجا سىدىق خوجامنى باش قىلىپ لەشكەر ماڭدۇردى. ئۇچتۇرپاندا تولا جەڭ ـ جىدەللەر بولدى. ئاقىۋەت ئىسلام چېرىگى ئۆز ئىچىدىن پاراكەندە بولۇپ كاشغەرگە قاراپ ماڭدى. خوجا يۈسۈپ بىتاپ ئىدى. لەشكەر يېتىپ بارغۇچە ئۇنىڭ روھى تۇتى قۇشلىرى بۇ تار قەپەزدىن ئالەمى بالاغا (دوستۇنكى ئالەمگە ـ ت) پەرۋاز قىلدى. كاپىرلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن بېرىپ كاشغەرنى ئالدى. ئاندىن كېيىن ياركەنت ئۈستىگە باردى. بۇ جايدا بىر قانچە قېتىم غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتلەر يۈز بەردى. ئاخىرى خوجا جاھان خوجام ئۇرۇشتا ئۆزىنى چەتكە ئالدى. ئارقىسىدىن ئادەم ئەۋەتىپ تۇتۇپ كېلىپ، تەئەللۇق تاۋابىئاتلىرى بىلەن قوشۇپ شاھادەتلىككە يەتكۈزدى. بۇ تەتۈر ماڭىدىغان پەلەك چەرخى خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللانىڭ ئەۋلادىغا قانداق ھادىسە ـ ۋەقەلەرنى كەلتۈرگەنلىگىنى بايان قىلىشقا ئىككى تىللىق قەلەم ۋە ئەقىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن خوتەننىمۇ ئۆزىگە تەۋە قىلدى.

ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1836 ـــ 1837 ـ يىلى ـ ت) بۇ ئالتە شەھەر ھۆكۈمىتىنى بۇرھانىدىن خوجامغا تاپشۇردى (126). خىتاي ۋە قالماق چېرىكلىرى ئۆز ماكان ـ مەنزىلىگە قايتىپ، ئاز قىسمى قالىدىغان بولدى. ئىلىدىكى خىتاي چېرىكلىرىمۇ ئۆز يۇرتىغا يېنىپ، بىر قىسمى توختايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن يۇرتتا تىنچلىق ۋەزىيەت پەيدا بولدى. بۇ چاغدا ئامۇرسانانىڭ دىمىغىنى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان غۇرۇرى بۇزۇپ، ياخشىلىق قىلغانغا شۈكۈرى قىلماي، ئىلىدىكى خىتاي ئەھلىنى تامامەن يوق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تۆرە بولۇپ ھۆكۈمىنى جارى قىلدى. بۇ خەۋەرنى ئالتە شەھەردىكى بۇرھانىدىن خوجام ئاڭلاپ، ئىتائەت بەلۋېغىنى نىسىيان (ئۇتۇنۇش ـ ت) تەخچىسىگە ئېلىپ قويۇپ، مۇستەقىل پادىشا بولۇپ، باغلانغان ئىتائەت يىپىنى ئۈزۈپ، باشقىدىن ئۇلۇغ بولۇپ، ئۆزىگە ”خان خوجام“ دەپ لەقەپ قىلدى. يارلىق ۋە پەرمانلىرىغىمۇ بۇ لەقەپنى يازدى.

فەغفۇرچىن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ، ئىككىنچى قېتىم چېرىك ماڭدۇرۇشقا يارلىق قىلدى. چېرىكلەر ئىلى تەۋەسىگە كېلىپ ئامۇرسانا بىلەن قاتتىق جەڭلەرنى قىلدى، ئامۇرسانا باراۋەرلىك قىلالماي سىبىرىيە دېگەن جايغا ئۆزىنى ئالدى ۋە مۇشۇ تەرەپتە ھالاكەتكە ئۇچرىدى.

خاقانى چىن بىلەن موغۇل ـ قالماقلار ئوتتۇرىسىدا، قەدىمدىن بۇيانلا جەڭ ـ جىدەللەر ۋە ئاداۋەتلەر بولۇپ تۇراتتى. خاقانى چىن ئىلى ئەھلىنى قىرغىنچىلىققا سالدى. بىرنەچچە ئادەم جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن قىپچاق، قىرغىزلار ئىچىگە كەتتى. ئىلىنى سەرەنجام قىلغاندىن كېيىن، ئىككى مىڭ چېرىكنى كۇچارغا ماڭدۇردى. بۇ چاغدا خان خوجام پادىشا كاشغەر، ياركەنت، خوتەندىن ئون مىڭ لەشكەر راسلاپ ئاقسۇ ئارقىلىق كۇچارغا كېلىپ، بېيىجىڭ ئەھلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ يولىنى توساپ تۇرغان ئىدى. ئوشتۇمتۇتلا ئىلىدىن ئىككى مىڭ لەشكەر كېلىپ قالدى. ئارىدا قاتتىق جەڭ ـ مۇھارىبەلەر بولدى. بېيىجىڭ ئەھلى ئاز بولغانلىغى ئۈچۈن باراۋەرلىك قىلالماي تۇرغان پەيتتە، ئون مىڭ خاقان چېرىگى تۇرپان يولى ئارقىلىق كۇچارغا يېتىپ كەلدى. تولا مۇھارىبە ـ جەڭلەر بولۇپ، بۇلار ئاخىرى غالىپ كەلدى، ئىسلام چېرىگى زىيانغا ئۇچراپ، بۇرھانىدىن خان خوجام پادىشا باراۋەرلىك قىلالماي، مۇقۇر يولى ۋە جاڭگال ئىچى بىلەن ياركەنتكە قاراپ قاچتى. بېيىجىڭ ئەھلى كۇچارنى ئىگىلەپ، كۆپ ئادەمنى ھالاك قىلدى. ئاندىن ئۆتۈپ ئاقسۇنى قولغا كىرگۈزۈپ، ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن ياركەنتكە باردى. خان خوجام پادىشا تولا ئۇرۇش ـ جەڭلەرنى قىلىپ، يەنە باراۋەرلىك قىلالماي، خوتەن تەرەپكە قاچتى. كاپىرلار خوتەنگە باردى. خان خوجام پادىشا بۇ يەردىمۇ باراۋەرلىك قىلالماي بەدەخشان تەرەپكە يۈزلەندى. خىتاي لەشكەرلىرىنىڭ ئۇلۇغى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ بەدەخشان ئۇلۇغىغا خەت يازدى. بىرنەچچە نەسىلى يامان ئەسكى ئادەم خان خوجام پادىشانىڭ بېشىنى كېسىپ ئېلىپ كېلىپ مەنسەپدارلارغا تاپشۇردى. بۇ مەنسەپدارلار ئۇنى تۆمۈر قەپەزگە سېلىپ بېيىجىڭدىكى خاقاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى ۋە شەھەر ـ شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ، كىشىلەرگە سەيىر ـ تاماشا قىلدۇرۇپ نامىنى چىقاردى.

بۇ يەتتە شەھەرنى سەرەنجام قىلغاندىن كېيىن، يەتتە شەھەردە قىرىق مىڭ چېرىك تۇرغۇزۇشقا ھۆكۈم قىلدى. لېكىن ئىلىنى ئىگىلىگەن چاغدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ھالاكەتكە گىرىپتار قىلغان ئىدى. نۇرغۇن ئادەم تەرەپ ـ تەرەپكە قېچىپ، ئىلى ئەتراپىدا ئادەم گۇرۇھى ئاز قالغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ ئىلىدا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ تايىپىلەر ھەرقايسى شەھەر ۋە كەنتلەردىن ئېلىپ بېرىلغانلىغى ئۈچۈن، ”تارانچى“ دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى ۋە بۇ ئادەملەرمۇ كۆپەيگىلى، بېيىشقا باشلىدى. ئىلى خاقانى چىننىڭ پاراكەندىچىلىكتىن كېيىن، ئىلى خەلقى خاقانى چىننىڭ ئەڭ ئېتىبارلىق ۋە ئىشەنچلىك پۇقرالىرىدىن بولۇپ قالدى. بېيىجىڭدىن چىققان چاغدا، ئىلى زېمىنى ئورۇسىيە بېسىۋالغان ئىدى. بېيىجىڭ ئەھلى يېتىپ كەلگەندە، ئىلى ئادەملىرى قورقۇپ، ئۆزىنى ئورۇسىيە ھىمايىتىگە تاشلاپ، تامامەن ئورۇس ئىچىگە كۆچۈپ كەتتى. ئىلى زېمىنى يەنە خالى قالدى. شۇڭلاشقا ئالتە شەھەر ئادەملىرى، بولۇپمۇ كاشغەر ئەھلى ئۆز ئىختىيارى بىلەن كۆچۈپ بېرىپ، تېرىقچىلىق قىلىپ، بۇ جاينى يەنە ئاۋات قىلدى.

ئەي زامانە ئەھلى! بۇ زامانە ئەھلىنىڭ پېئىل ـ ئەتۋارلىرىغا سىناق كۆزۈڭلەر بىلەن قاراپ كۆرۈڭلەركى، گەرچە ھەممە مۇسۇلمان بىر دىن ۋە بىر مەزھەپتە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىككى پىرقىگە ھەتتا بىر قانچە تايىپىلەرگە بۆلۈنۈپ، بىر بىرىگە ھەسەت ـ ئاداۋەت قىلىشىپ، بىر تايىپە بىر سەيىدكە ئىناۋەت ـ ئىتائەت قىلىشىپ، يەنە بىر سەيىدكە ئىنكار ۋە ئاداۋەت كۆرسىتىپ، ئۆزىگە ”ئاق تاغلىق“ ياكى ”قارا تاغلىق“ دەپ ئات قويۇپ، ئۆزلىرىنى ھالاكەت ـ زالالەتكە سېلىپ، ئىتتىپاقسىزلىق قىلىپ، بۇ يۇرتلارنى ۋە يۇرت ئادەملىرىنى قالماققا ياكى خىتايغا تەۋە قىلىپ بېرىپتۇ. ھەتتا بۇنداق ئەقىدە ۋە نالايىق ئىشلارنى ئۆزىگە لايىق ۋە مۇناسىپ كۆرۈپ، بۇ ئىشلارنىڭ يامان ۋە شۇملۇغىنى ئايرىپ ئالالماپتۇ، بەلكى بۇ جاھىل، ۋاپاسىز ۋە مەككار سوپىلار ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن ھايا ياكى نومۇسمۇ قىلماپتۇ. لېكىن بەزى مەخدۇمزادىلەرنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدە بىر بىرىگە بولغان دۈشمەنلىك ياكى ئاداۋەت يوق ئىدى. بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ خام ۋە ئەقىلى كەم مۇرىت ـ مۇخلىسلىرىنىڭ شۇملۇغىدىن پەيدا بولغان بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا بۇ ساغلام نەسەبلىك زاتلارنىڭ ھەممىسىنىلا ئوخشاش كۆرۈپ، ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك قىلماسلىق لازىم. مۇناپىقلىق قىلمىغانلارنىمۇ مۇناپىقلىق قىلدى دەپ ئېغىز ئېچىش، ئەلۋەتتە توغرا بولمايلا قالماستىن، بەلكى كىشىنى ئاللانىڭ ئازابىغا گىرىپتار قىلىدۇ. «ھەدىس شېرىپ»تىمۇ ”ئېتىقادىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىدىن خۇدادىن پاناھ تىلەيمىز.“ دېگەن سۆز بار.

ئاپاق خوجامنىڭ ئەۋلادىدىن بۇرھانىدىن خوجام شاھادەتلىككە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پەرزەنتى خوجا سالىھ خوجام يەنى بەزىلەرنىڭ مەلۇماتى بويىچە، ئۇ يەنە سامساق خوجام دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ كىشى فەرغانە ۋىلايىتىگە قېچىپ كەتكەن ئىدى. بۇ دادىسىنىڭ قىساس ـ ئىنتىقامىنى تاما قىلىپ نەچچە قېتىم كاشغەرگە كەلدى. لېكىن مۇراتىغا يېتەلمەي ياندى. بۇنىڭ پەرزەنتى خوجا جاھانگىر خان تۆرەم بىرنىمە قىلىپ مۇراتىغا يەتتى. بۇنىڭ زىكرى كېيىن كەلگۈسىدۇر. بۇ چاغدا ئەنجان تەرەپتىن خوجاملار كەلسە، ئاق تاغلىقلارنىڭ جاھان ئاپتىۋى چىققاندەك بولۇپ، خوشال ـ خۇرام بولۇپ كېتەتتى. قارا تاغلىقلار بولسا بېيىجىڭدىكى خوجاملارغا نەزىر ـ ھەدىيە ئەۋەتىپ مەدەت تىلەيتتى. بۇ خوجاملاردىن كۆك چاي تەۋەررۈك قىلىپ سوغا ـ سالام كېلەتتى. بۇلار بۇنى تەۋەررۈك چاي دەپ ناھايىتى ئىززەت ـ ئېتىۋار بىلەن قارايدى. بۇ ۋەقەلەرنى كېيىن يەنە ئۇچتۇرپان زىكرىسىدە بايان قىلىمىز ئىنشا ئاللا. (ئاللا بولسا سەۋەب قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر!) دېمەك، ئاق تاغلىق ئەھلى بىلەن قارا تاغلىق ئەھلى تا بۇ زاماندىمۇ بىر بىرىگە قارشى ئىدى، بۇ تايىپىلەر كاشغەردە ناھايىتى كۆپ، ھەر ئىككى تايىپىنىڭ ئېتىقادى خاتا ۋە بىھۇدىدۇر. نەزم:

شۈكۈرۇللا فارىغ ئولدۇم مەن قارا، ئاق تاغىدىن،

نە ئۈچۈنكى مېۋە يەيدۇرمەن شەرىئەت بېغىدىن.

ئەلقىسسە، خانلارنىڭ دۆلەت چىرىغى ئۆچكەن، قالماقلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا خوجاملارنىڭ دۆلەت چىرىغى يانغان زاماندىن باشلاپ، بۇ خوجاملار بەزىدە تەرىقەتنىڭ زىكىر ۋە پىكىر يولى بىلەن ئىبادەت قىلىپ، ئاللادىن مەدەت تىلەشكە شۇغۇللانسا، بەزىدە ئەيىشى ـ ئىشرەت، نەغمە ـ ناۋا ۋە چاي بىلەن بەزمە قىلىپ، نەپسىپەرۋەرلىككە شۇغۇللىنىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈن، پۇقرا ۋە خالايىقنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالمايتتى. شۇڭلاشقا، بەزى غەۋەت ـ شىكايەتچى سۇخەنچىلەر ۋە ئىچىدىن يامان شەيتان سۈپەتلىك ئادەملەر ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، ئۆزىنى ناھايىتى ئىخلاسلىق كۆرسىتىپ، تاشقىرىغا چىقىش بىلەنلا ھەر بىرى خۇددى ئاچ بۆرە شەكلىگە كىرىپ، بۆرە قويغا چاپقاندەك، پۇقرالارنىڭ مال ـ مۈلكىگە، ھەتتا ئۇلارنىڭ جان ـ ئىمانىغا قاتتىق زۇلۇم سېلىشقا باشلىدى. بۇ تايىپىلەر ”ئوششاق“ دەپ ئاتالدى. ئاتا ـ بابالىرىدىن تارتىپ جەينىمازدىن قوپماي سەجدە ـ ئىبادەت بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزۈپ كەلگەن خوجاملارمۇ يۇرتدارلىق ئىشىدىن ۋە سىياسەت رەۋىشىدىن خەۋەرسىز ئىدى. شۇڭلاشقا، پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى خاراپ ۋە ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى. ھەتتا ئۇلار ئۆي ـ ماكانلىرىدا ئارام ئالالماي ۋە تۇرالماي جاڭگال ـ جەزىرىلەرگە قېچىپ كېتىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان دەرىجىگە يەتتى. كېچىلىرى مەخپىي ئۆيلىرىگە كېلىپ، تاپقانلىرىنى غىزا ـ تاماق قىلىپ يەپ، قازان ـ تاۋاقلىرىنى ساقلىيالماي، بۇلاق ۋە چۇڭقۇر يەرلەرگە تاشلاپ، ئەتىسىلا كىشىگە كۆرۈنمەي جېنىنى ساقلايدىغان بولدى. يۇرتدارلىق ئىشلىرىدىن تاقەتلىرى تاق بولۇپ، چىداشقىمۇ ھېچ دەرمان قالمىدى.

دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، بىرنەچچە يىراقنى كۆرگۈچى ھەم ئىلگىرى دەۋر سۈرۈپ دۆلەت ـ مەنسەپ تۇتۇپ، كېيىنچە خار ۋە بىئېتىبار بولۇپ، پۇقرالىق كۈچىسىغا كىرىپ قالغان ۋە ئاددىي خەلق قاتارىدىن تۇرمۇش ھەم قەدىرسىز ئورۇن ئالغان بەزى قەدىمقى بەگلىرىنىڭ ئەۋلادى ئۆزئارا مەسلىھەت قىلىشىپ، ”قەدىمدىن بۇيان يۇرت سوراپ كەلگەن خانلار بۆلۈك ـ پۇشقاغلارغا ئولتۇرىدىغان بولدى، بۆلۈك ـ پۇشقاغلاردا ئولتۇرۇپ كەلگەنلەر بولسا خان بولدى. پۇقرالار ھەيران ۋە سەرسان بولدى. ئەڭ ياخشى مەسلىھەت شۇكى، بىز بىرنەچچە كىشى خاقاننىڭ خىزمىتىگە بارساق، ئەرزىمىزنى ئېيتىپ چېرىك تەلەپ قىلساق، ئەگەر چېرىك بەرسە، بىز شۇ ئىقلىمغا تەۋە بولۇپ، يىراق ـ يېقىن دۈشمەنلەردىن قۇتۇلساق. تاكى بىر ئىقلىمغا تەۋە بولماي تۇرۇپ يۇرتىمىز ئاۋات، بالا ـ پەرزەنتلىرىمىز تىنچ ـ ئامان بولالمايدىكەن“ دەپ قارار توختىتىپ، ئالتە ياكى يەتتە جان كىشى كىيىملىرىنى تەتۈر كىيىپ يولغا راۋان بولدى. بىرنەچچە ۋاقىتتىن كېيىن قاراۋۇلچىلارغا ئۇچراشتى. قاراۋۇلچىلار ئۇلارنى بىر قارادىن يەنە بىر قاراغا ئېلىپ بېرىپ، فەغفۇرچىن خاقانى بىلەن كۆرۈشتۈردى. خاقان بۇلارنىڭ ئەرزىنى ماقۇل كۆرۈپ، نۇرغۇن چېرىك قوشۇپ بەردى. ئۇلار كەلگەندىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر جەڭ ـ جىدەلسىزلا خاقانى چىننىڭ ئەمىر ئىتائىتىگە كىردى. خاقانى چىن بۇ ئالتە جان كىشىنىڭ ھەر بىرىگە ۋاڭ، گۇڭ، بەيسى، بەيلى قاتارلىق چوڭ مەنسەپلەرنى جۈلدۈ ـ جاساق قىلىپ، ھەر بىرىنىڭ خىزمىتىگە بىرنەچچە ئۆيلۈك ئادەم تەيىنلەپ، ھەر يىلى غەزىنىدىن كۈمۈش، ۋەزىپە ـ مائاش بېرىدىغان بولۇپ، ھەر بىرىنى ھەرقايسى شەھەرگە ھاكىم قىلىپ توختاتتى. خاقان بۇ زېمىنغا مۇقىم ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھاكىملىغى مەزكۇر بەگلەرنىڭ ئەجداتلىرىدىن باشقا ئادەملەرگە ناھايىتى كەمدىن كەم نېسىپ بولاتتى.

بۇ دۆلەتكە ئۇلانغان ئالتە جان كىشىنىڭ بىرى مىرزا ھېدى بەيسى بېگىم ئىكەن. بۇنىڭ ۋەقە ـ خەۋەرلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىندى. يەنە بىرى چېرىكچى بېگىم بولۇپ، بۇ كىشىگىمۇ بەيسىلىك نېسىپ بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ سىپتۇۋالدى بېك ۋە ئاق بېك دەپ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. سىپتۇۋالدى بېككە بەيسىلىك مەنسىۋى يېتىپ، ياركەنتنى سوراپ ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت ئابدۇللا بېككە بەيسىلىك يېتىپ، ئاقسۇ ۋە ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. بۇنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەت مۇسا بېيسى بېك ئاقسۇ زېمىنىدىكى ئاقيار دېگەن جايدا تۇرىدۇ ۋە ئابايى ـ ئەجداتلىرىنىڭ مەنسىۋىنى تېپىپ ئالالماي يۈرۈپتۇ. ئاق بېك ئىلىغا ھاكىم بولۇپ، ئاقسۇ، ياركەنت قاتارلىق جايلارغىمۇ ھاكىم بولۇپ سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت يۈسۈپ بېگىم ئالدى بىلەن ئىلىغا، ئاندىن ياركەنتكە ۋە ئاخىرىدا ئاقسۇغا ھاكىم بولۇپ دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ. ئوغلى مۇھەممەت ئابدۇللا بېك ئىشىك ئاغىلىق مەنسىۋى بىلەن ئۆتتى. بۇنىڭ ئەۋلادى كۆپ. دۆلەت ـ مەنسەپكە ئېرىشكەنلىرىنىڭ يەنە بىرى بايلىق گاداي مۇھەممەت گۇڭ ئىكەن. بۇ ئالدىدا كاشغەرنى، ئاندىن ئۇچتۇرپاننى سوراپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئوغلى ئىبراھىم بېك ھەم گۇڭ بولۇپ، ئۇچتۇرپاننى سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن كېيىن گۇڭلۇق ئىنىسى مۇھەممەت مۇسا بېككە ئۆتۈپتۇ. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت تالىپ بېك گۇڭلۇق مەنسىۋىگە يېتىپ شەھيار (شايار ـ ت) نى سوراپ ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى ئەھمەت بېك گۇڭ بولدى، ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت سىدىق بېگىم گۇڭلۇق مەنسىۋىدە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەرگە سازاۋەر بولدى. قالغانلىرىنىڭ ئەۋلادى ۋە نام ـ نەسەپلىرى رۇشەن مەلۇم بولمىغانلىقتىن، بۇ جايدا بايان قىلىنمىدى.

خاقان بۇ ئالتە جان بەگنىڭ سۈرىتىنى قىلدۇرۇپ، ئوششاق تالدا بىر كاتتا بۇتخانا بىنا قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى قويغۇزۇپ: ”بۇ بەگلەرنى يەتتە شەھەرنىڭ ئىگىسى تەربىيەدارى ۋە ساقلىغۇچىسى قىلىپ مەنسەپ بەردىم، مۇندىن كېيىن يەتتە شەھەرگە ئۆتكەن مەنسەپدارلار بۇ بەگلەرنى يوقلاپ ئۆتسۈن“ دەپ يارلىق قىلغان ئىكەن ـــ ئاغزىغا تاش ساپال تۇپراق تولسۇن! تا ئىسلام بولغىچە بۇ بۇتلار بار ئىدى. ھەرقانداق مەنسەپدار ياكى سودىگەر ـ مەيىمەچىلەر بېيجىڭ تەرەپتىن كېلىپ بۇ بۇتخانا بار مەنزىلگە يەتكەندە، ھامان ئاتتىن چۈشۈپ ياكى قونۇپ، ئۆز ئادەت ـ رەسمىيى بويىچە قەغەزلىرىنى كۆيدۈرۈپ ۋە نەچچە قېتىم باش ئۇرۇپ دۇئا قىلىپ، بۇ سۈرەت بۇتلاردىن مەدەت ـ ياردەم تىلەپ، ئاندىن ئۆتىدىكەن. ئەگەر شۇنداق قىلمىسا، گۇناغا لايىق بولىدىكەن. بۇ بۇتخانىنى ”ئۇلۇغ ئۆي“ دەپ ئاتايدىكەن. بۇ بەگلەرنىڭ ئەۋلادىمۇ ”بىزلەر ئۇلۇغ ئۆي ئادەملىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولىمىز“ دەپ پەخىرلىنىپ ماختىنىدىكەن.

ئىسلام تېپىلغاندىن كېيىن بۇ بۇتخانىلار بۇزۇلدى. بەگلەر يەنە پۇقرالىق كۈچىسىغا كىرىپ قالدى. ئون تۆت يىلدىن كېيىن يەنە خاقان ئەھلى ئاتا يۇرتلىرىغا يەنە مالىك ۋە ساھىپ بولدى. فەغفۇرچىندىن ”مېنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمغا خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئادەملەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئۆزى ياكى ئەۋلاتلىرى بارمۇ، بۇنى سوراپ تەكشۈرۈپ بىلىندۈرۈلسۈن“ دەپ يارلىق كەلدى. بەگلىرىنىڭ ئەۋلادىمۇ بۇرۇنقى خانلار بەرگەن يارلىق، ھۆججەت ۋە ئاساسىي خەتلىرىنى ساقلىغان ئىكەن. بۇلار بۇ ھۆججەتلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. ئابايى ـ ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان مەنسەپلىرىنى تېپىشتى. گەرچە ئۇلار يەنە نەچچە پۇشتى ۋە نەچچە يۈز يىللارغىچە ئۇلۇغ خانغا بىرەر خىزمەت قىلغانلىغى مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن خانلار تەرىپىدىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن مائاشلىرىنى ھەر يىلى ئېلىپ تۇرىدىكەن. ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم خاننىڭ خىزمىتىگە بېرىپ، تازىم ـ ئېھتىراملىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ پەرزەنت ـ نەۋرىلىرىمۇ ئەسىردىن ئەسىرگىچە تىنچ ـ ئامان ۋە خاتىرجەملىك بىلەن بەلگىلەنگەن مائاشلىرىنى ئېلىپ ”تارخان“لىق دۆلەت ـ ئىززىتى بىلەن ياتىدىكەن. فەغفۇرچىننىڭ ئۇلۇغ ۋە كاتتىلىغىنى شۇنىڭدىن قىياس قىلىش لازىمكى، بىر قېتىم قىلىنغان خىزمەت بىلەنلا بۇنداق مەنسەپ ۋە مەنپەئەتكە يەتكىلى بولار ئىدى.

ئەي مالىكۇل مۈلۈك! پادىشاھلىق ھەققىقىلىغى ساڭا خاستۇر. ھەقىقىي پادىشا پەقەت سەندۇرسەن. بۇ بەندىلىرىڭنىڭ ئەللىك ـ ئاتمىش يىل ئىچىدە قىلغان بەندىچىلىك خىزمىتىنى ئۇلۇغ دەرگاھىڭدا بىر قېتىم بولسىمۇ قوبۇل ئەيلەپ، پۇرايلىق جەننىتىڭدىن ئورۇن بېرىپ، جامالىڭنى كۆرۈش دۆلىتىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا باشتىن ـ ئاخىر ئەپۇ قەلىمىڭنى سۈرسەڭ، بۇ سېنىڭ قۇدرەتلىك ۋە يېتىشكەن كۈچۈڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئەجەپ ئەمەس. سەن بەندىلىرىڭگە مېھرىۋانلىق ۋە شەپقەتلىك كەلتۈرەلەيسەن، ئۇلۇغلۇق قىلالايسەن. ئەي رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ رەھىملىكىرەگى ۋە ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغراغى، يا ئەررەھىمە ئەر راھىمان، ئامىن!

5

خوجا جاھانگىر خان تۆرەنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە ئىستىلا تاپقان ۋەقەلىرى، مۇھەممەت ئەلى خاننىڭ كاشغەرگە كېلىشى، كاشغەرنىڭ پەتھى بولۇشى، نۇرغۇن قاراچېرىكلەر كېلىپ ئىككىنچى قېتىم يەتتە شەھەرنى ئىگىلىشى، جاھانگىر خان تۆرەنى تۇتۇپ بېيىجىڭغا ئېلىپ ماڭغىنى ۋە كۆپ مۇسۇلمانلارنى ئولجا ـ ئەسىر قىلىپ خىتاي مەملىكىتىگە ئېلىپ كەتكىنى، مۇھەممەت ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ گۇنايىنى كەچۈرگەي!) ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىر چۈشكەن مۇسۇلمانلارنى فەغفۇرچىندىن تىلەپ ئېلىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ سۆز ـ بايانى

رىۋايەت ئاسار (رىۋايەتلەردىن ئەسەر يازغۇچىلار ـ ت) ۋە ناقىلان ئەخبار (نەقىل قىلىپ خەۋەر بەرگۈچىلەر ـ ت)لەردىن كېيىنى ـ كېيىندىن بېرىلگەن رىۋايەت ۋە خەۋەرلەردىن مۇنداق مەلۇم ۋە مەزمۇن بولدىكى، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1823 ـــ 1824 ـ يىلى) مۇھەممەت ئەلى خان بىننى ئۆمەر خان بىننى شىر ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ گۇنالىرىنى كەچۈرۈپ رەھىم قىلغاي!) قوقەنت ۋىلايىتى ۋە فەرغانە ئاھالىلىرىغا ھۆكۈمران بولۇپ ئولتۇردى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1828 ـــ 1829 ـ يىلى) جاھانگىر خان تۆرەم قوقەنتتە كاشغەر ئەقىدىتەمەنلىرىدىن بىرنەچچە ئادەم توپلاپ، فەرغانە ۋىلايىتىدىن قېچىپ چىقىپ، موغۇلىستان شەھەرلىرىدىن كاشغەرگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلىپ، خىتاي شەھىرىنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىپ تۇرغان كۈنلەردە، مۇھەممەت ئەلى خاننىڭ غەيرەت تومۇرى جۇشقا كېلىپ لەشكەر جەمئى قىلىپ، دۆلەت ئەركانلىرىغا: ”ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداۋەندە كېرىم بۇ پادىشاھلىقنى بىزگە ئاتا قىلىپتۇ. ئەگەر بىز سۇسلۇق ـ بوشاڭلىق ۋە غەپلەتنى ئۆزىمىزگە لازىم ۋە راۋا كۆرسەك، ھۆكۈمەتدارلىق ۋە پادىشالىق ئۆز دائىرە ۋە جامائەت ئاساسىدىن يىراقلايدۇ. بىر ئەسكى خوجا بىرنەچچە لۈكچەك ۋە باشباشتاقلارنى توپلاپ، كاشغەر شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، ۋىلايەتلەرگە ئىگە بولۇش دەۋاسىنى قىلىپ، خانلىق نىغرىسىنى چېلىپ، مەملىكەت قۇرۇشنى ئۆزىگە نىسبەت قىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرىگە يول قويغىلى بولمايدۇ ـ ئەلۋەتتە. ئەگەر بۇلار شەھەرنى پەتھى قىلىدىغان بولسا، خىتايلارنىڭ نەچچە يىل مابەينىدە توپلىغان غەزىنىە ـ بايلىقلىرى بۇ باشباشتاقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ زايا بولىدۇ. خاقانى چىن بولسا كاتتا ۋە زور پادىشادتۇر. ئەگەر بۇ چاغدا بېيجىڭ تەرىپىدىن كۇفارلار يەنە كېلىپ ئىستىلا قىلسا، ئۇلار يەنە غەزىنىە سەرپ قىلماي باشقا ئىلاج يوق. ئەگەر كاپىرلار غەلىبە قىلىپ، بۇ پاراكەندىلەرنى لەشكەرلىرىنى يەنە پاراكەندە قىلىدىغان بولسا، ئىسلام ۋىلايەتلىرىنىڭ خەزىنىسى يوق بولۇش ئېھتىمالى بار. يەنە بىرى شۇكى، جاھانگىر تۆرە يۇرتنى باشقۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىپ، خىتاي چېرىگى بۇ جايلارغا يەنە ئىگە بولسا، جاھانگىر خوجا نائىلاج بۇ يەرگە قېچىپ كېلىدۇ، ھالبۇكى، خىتايلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرى بىزگە تاقىلىپ مۇئامىلە يامانلىشىدۇ. ئەمدى ئوبدان مەسلىھەت شۇكى، بىز كاشغەرگە بارساق، كاشغەر قولىمىزغا چۈشسە تېخى ياخشى. ئەگەر بۇنداق بولمىسا غازات ساۋابى يەنىلا بىزگە مەنسۇپ“ دەپ مەسلىھەت بەردى ۋە ئۈچ مىڭ ئەسكەر بىلەن كاشغەرگە كەلدى، جاھانگىر خان تۆرەم بىرنەچچە ئادەم بىلەن ئالدىغا چىقىپ، بىر بىرى بىلەن ئات ئۈستىدە كۆرۈشۈپ، پادىشالارغا خاس ھۆرمەت ـ تازىملىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مۇھەممەت ئەلى خاننى بىر كاتتا ھويلاغا چۈشۈردى.

بۇ چاغدا كاشغەردىكى خىتاي شەھىرى مۇسۇلمانلار شەھىرىنىڭ ئىچىدە ئىدى، شۇ كۈننىڭ ئەتىسى جاھانگىر خان تۆرەم ئالى ماقاملىق خانغا ھۆرمەت ۋە ئەدەپ ـ كەمەتەرلىك بىلەن، مۇھاسىرىدىكى جەڭنى ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك خانغا ئۆتۈنۈپ، ئۆز ئادەملىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى، خاننىڭ يارلىغى بىلەن قوقەنت لەشكەرلىرى ئاشكارا ۋە شىددەتلىك مۇھاسىرىگە ئۆتتى. خىتاي شەھىرىنىڭ تۈۋىگە دۇرا قويۇپ ۋە لەخمە كولاپ ئوت قويدى، شەھەرنىڭ بىر تەرىپىنى ھاۋاغا كۆتۈرۈپ، ئالەم يۈزىگە چاڭ ـ توزاڭلارنى چېچىپ، كۈننىڭ كۈندۈزى گۇيا قاراڭغۇ كېچىگە ئايلىنىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئەسكەرلەر نۇسرەت ئىچىدە خۇددى پەرۋانىدەك ئۆزىنى سېپىلغا ئۇردى. كاپىرلار، بەلكى مۇسۇلمانلار بۇ تامنىڭ بۇزۇلغان ھۇجۇم قىلارمىكىن دەپ، تۆشۈك يولىنى توساپ، جەڭ ـ مۇھارىبىگە كىرىشتى، شەھەرنىڭ ئىچىدىن توپ ـ زەمبىرەك، جەزائىل قاتارلىقلارغا ئوت تۇتاشتۇردى. مۇسۇلمانلارمۇ تاشقىرىدا تۇرۇپ توپ ـ زەمبىرەكلەرگە ئوت بەردى. كاپىرلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئۆزئارا ئېلىشىپ گىرەلەشىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشتى. مۇسۇلمانلار شوتا راسلاپ، شەھەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن خۇددى داۋازلاردەك، سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇرۇش قىلدى. لېكىن كاپىرلار كۈچ كۆرسىتىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۈچ قېتىم سېپىل ئۈستىدىن ھەيدەپ چۈشۈردى. تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە شېھىتلەرنىڭ كۆپلۈگى، يارىدارلارنىڭ تولىلىغىدىن سېپىلغا بارىدىغان يول ئېتىلىپ قالدى. خان غازى مۇھەممەت ئەلى خان بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ، يىغلاپ ـ يىغلاپ، ئۆلۈكلەرنى ئالدۇرۇپ، ھەزرەت ئاپاق مازىرىغا دەپنە قىلدۇردى. زەخمىدارلارنى داۋالاشقا يارلىق قىلدى ـ دە، نائىلاج مۇھاسىرىدىن قولىنى ئۈزۈپ، بىر ھەپتە دەم ئالغاندىن كېيىن، جاھانگىر خان تۆرەمگە دۇئا ـ پەتىھە بېرىپ، قوقەنتتىكى دار سەلەتەنىگە قايتتى.

بىر ئايدىن كېيىن، قىيىن ئىشلارنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقۇچى ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن خىتاي شەھىرى پەتھى بولدى، جاھانگىر خان تۆرەم پەتھىنامە يېزىپ، ئۇرۇش ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئالى دەرىجىلىك مۇھەممەت ئەلى خانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك خادىملىرىنى نۇرغۇن سوغا ـ سالاملار بىلەن قوقەنتكە ئەۋەتتى. كېيىندىنلا كاشغەر، يېڭى ھىسار، مارالبېشى، ياركەنت قاتارلىق جايلارنى قولغا كىرگۈزدى، خوتەننى مۇھاسىرىگە ئالدى. لېكىن، بۇ مۇھاسىرە تۈگىمەيلا، بەزى ئەسكەرلىرى ئاقسۇغا ئىككى تاش مىقدارى يېقىن كېلىپ، بەزىلىرى دەريادىن ئۆتۈپ، ئەتىسى ئاقسۇنى پەتھى قىلىمىز دەپ خاتىرجەم ياتقان چاغدا، خىتاي چېرىكلىرىدىنمۇ ئاقسۇغا كېلىدىغانلىغى مەلۇم بولدى. بۇلار شەھەردىن چىقىپ، زور كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلدى. جاھانگىر خان تۆرەنىڭ ئەسكەرلىرى بۇزۇلۇپ ئارقىغا قاچتى. قارا چېرىكلەر قوغلىغانلىرىچە بېرىپ كاشغەرنى ئالدى، يېڭى ھىسار، ياركەنتلەرنىمۇ قولغا كىرگۈزدى.

خىتاي چېرىگىنىڭ كۆپلۈگىنى بەزىلەر يىگىرمە تۈمەن، بەزىلەر ئون تۈمەن ئىدى دەپ رىۋايەت قىلىدۇ. ئۇ چاغدا فەغفۇرچىننىڭ تەختىگاھىدا داۋگۇاڭ خان (داۋگۇاڭ خان ـ ت) دېگەن خان ئولتۇرغان ئىكەن. بۇ دۆلەتمەن خان ئو چاغدا ناھايىتى قۇۋۋەتلىك بولۇپ، ھېچ تەرەپتە دۈشمەننىڭ ئەسىرى يوق ئىكەن. بۇ چېرىك، قورال ـ ياراق ۋە باشقا ھېسابسىز جەڭ قوراللىرىدىن باشقا، يەنە ئىككى يۈز ھارۋىدا تۆگە ۋە قوي مايلىرىنى ياغدا قورۇپ ماڭدۇرغان ئىكەن. چېرىكلىرى يول بويى قار، يامغۇردا قېلىپ، ئاش ـ غىزا قىلىپ يەيدىغان ئوتۇن تاپالماي قالغان كۈنلەردە، بۇ ماياقلارنى ئوتۇن ئورنىدا قالاپ، ئاش ـ غىزا قىلىپ يېسۇن دەپ يارلىق قىلىپ ماڭدۇرۇپ، ماياقنىڭ ئالدى قاراشەھەرگە، كېيىنى تۇرپانغا يېتىپ كەلگەن كۈنلەردە، بۇ يۇرتلار قولغا كىرگەنلىگىنى ئاڭلاپ ماياقلارنى ياندۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. دېمەك، چېرىكنىڭ تولىلىغى ۋە خاننىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتلىرىنىڭ قانچىلىك زىيادە ئىكەنلىگىنى بۇنىڭدىن قىياس ـ پەھم قىلىپ بىلگەيسىزلەر. شۇنداقلا خىتايلارمۇ جاھانگىر خان تۆرەنىڭ چوڭ ۋە زور تەرسىپىنى قىلىپ ”جاھانگىر دۇڭ تەن، دى دۇڭ تەن“ (يەنى ”جاھانگىر مىدىرلىسا، زېمىنمۇ مىدىرلايدۇ ـ ت“) دېگەن ئىكەن.

ئەمدى ئەسلى سۆزىمىزگە كېلەيلى. خىتاي چېرىگىنىڭ سەردارى ئاي جاڭجۈن (127) دېگەن ئىكەن. كۇچارلىق مىرزا ئوسمان بەيسى بېگىمنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مىرزا ئىسھاق بېك دېگەن ئادەم چېرىك باشلاپ كاشغەرگە بېرىپتۇ. بۇ جاھانگىرخان تۆرەنىڭ كېيىنىدىن قوغلاپ ئالاي دېگەن مەنزىلگە بارغاندا، تۆرەم نائىلاج بولۇپ ”ئەي ئىسھاق بېك، نائۈمىت بولماڭ، مېنى باغلاپ، خىتايلارنىڭ ئۇلۇغىغا ئېلىپ بېرىڭ“ دېگەندە، بېك ”ھەدەددىم ئەمەس“ دەپ ئۆزرە ـ خالىق ۋە ئېھتىرامدىن سۆز ئېچىپ، تەقسىر دەپ تۇرغاندا، جاھانگىر خان تۆرەم مۇبارەك رۇماللىرى بىلەن ئۆز قولىنى ئۆزى باغلاپ، ”ئەمدى ياغلىقنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئېلىپ بېرىڭ“ دېگەندە، بېك ئەمىر ئاللىلىرىغا بوي سۇنۇپ، جانابى خان تۆرەمنى خىتايلارنىڭ ئۇلۇغى ئالدىغا ئېلىپ بارغان ئىكەن. ئاي جاڭجۈن بولسا ”ئۇلۇغ خاننىڭ دۈشمىنىنى ئىسھاقبەك تۇتتى“ دەپ مەلۇم قىلىپ، ”ئەي ئىسھاقبەك، ئەمدى بۇ خوجانى ئۆزىڭىز بېيىجىڭغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ خانغا خىزمىتىڭىزنى مەلۇم قىلىپ يانغايسىز“ دەپ بىر قانچە ئادەم قوشۇپ بېيىجىڭغا ئەۋەتىپتۇ، بۇ جاھانگىر خان تۆرەمگە ناھايىتى ئىززەت ۋە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ياخشى سۆزلەر بىلەن بېيىجىڭغا ئېلىپ بېرىپتۇ، بەزىلەر خان بۇنى كۆرۈپ، سوراق قىلىپ شېھىت قىلدى دەيدۇ. بەزىلەر خان ئۇنى كۆرمىدى، بەلكى بىر مەخپىي جايغا قويغاندا، ئۆز ئەجىلى ـ تەبىئىتى بىلەن ئۆلدى دەيدۇ. مەسئۇلىيەت ئەلۋەتتە رىۋايەت قىلغۇچىدا بولىدۇ.

خاقان مەنسەپدارلىرى بۇ يەتتە شەھەردە تۆرەمگە يار بولغان ياكى تۆرەمنىڭ ئىشىنى تۇتۇپ خىزمەت قىلغان ئادەملەرنى ئىزدىشىپ تېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چارۋا مال ۋە زېمىنلىرىنى ئولجا قىلىپ، ئون مىڭدىن كۆپرەك خوتۇن ـ قىز ۋە ئوغۇل رىسىدە ـ نارىسىدە بالىلارنى ئولجا ـ ئەسىر قىلىپ، ئۇ تەرەپ لەنجۇ ئۆلكىسى، بۇ تەرەپ ئىلى، چۆچەككىچە ئېلىپ بېرىپ، خىتايلارغا تاپشۇرۇپ ۋە خىزمەتكە تۇتۇپ بەردى. بۇ ئەھۋالنى ئەبۇلمۇزەپپەر ۋە ئەلەلمەنسۇر مۇھەممەت ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلاندۇرۇپ، گۇنايىنى كەچۈرگەي!) ئاڭلاپ، ”بۇنىڭغا بىز سەۋەپ بولۇپتىمىز“ دەپ، خاقانى چىنغا ناھايىتى كەڭرى سوغا ـ سالاملارنى راسلاپ، ئالىم بايۋەچچە مىگىتىنى باش قىلىپ، بىرنەچچە ئادىمىنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەپ، خاقانى چىنغا ئەرز يېزىپ، بىر قانچە مۇددىئانى تىزىپ يولغا سالدى. ئۇ ئەرزىدە ”مەسىلە شۇكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلۇغ خانغا تىغ تارتىپ دۈشمەن بولغانلار يوق ئىدى. بۇنداق نارىسىدە بالىلار ۋە ئاجىز خوتۇنلارنىڭ قولىدىن ھېچ يامانلىق ئۆتمىسىمۇ كېرەك. بۇ گۇناھكارلارنىڭ گۇناسىنى ئۇلۇغ خاندىن تىلەيمەن. يەنە بىر مەسىلە بولسا، يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىقلار ئۈستىدە بىر ئاقساقال توختاتسام، يامان ئادەم كىرىپ قالسا خەۋەر ئېلىپ تۇتۇپ ماڭا چىقىرىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ جازاسىنى مەن بېرسەم، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلۇغ خاننىڭ كۆڭلى رەنجىدىغان ئىشلار بولمىسا“ دېگەن مەزمۇندا بىر قانچە ماقۇل سۆزنى يېزىپ، ئەلچىلەرنى يولغا راۋان قىلغان ئىكەن. بۇ ئەلچىلەر ناھايىتى ئىززەت ۋە ئابروي بىلەن پايتەختكە يېتىپ بېرىپتۇ. خاقان ئەرزنى كۆرۈپ، كامالى ئىنسابىنى ماقۇل تۇتۇپ، ھەممە ئولجا ـ ئەسىرگە يولدىن يۇلغىچە ئات ـ ئۇلاق، ئوزۇق ـ تاماق تەيىنلەپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىگە قايتۇرۇپتۇ.

لېكىن، بۇ ئارىدا تۆت يىل مىقدارى ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بىر مۇنچىسىنى خىتايلار ئىلىكىگە ئېلىۋېلىپ، بالا ـ پەرزەنتلىرىمۇ تاپقان ئىكەن. ئۇلارنى بالا ـ پەرزەنتلىرى بىلەن ياندۇرغان چاغدا، ئۇلار بۇنداق غېرىپ ـ مۇساپىرچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز جاي ـ ماكانلىرىغا يانغانلىغىغا خوش بولۇپ، چوڭ ـ كىچىك ھەممىسى ئاۋاز مۇڭلۇق ۋە غەمكىن ئاۋاز بىلەن ئاۋاز كۆتۈرۈپ ”نازۇگۇم! ۋاي مېنىڭ ۋاي نازۇگۇم“ دەپ غەزەل ـ مۇقام ئىختىرا قىلىپ، چوڭ يول بىلەن ئۆتكەن چاغدا، خالايىق ئۆزۈن يەرلەردىن كۆرگىلى كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇڭ ـ زارىنى ئاڭلاپ تاقەت قىلالماي، يىغا ـ زارە قىلىشقان ئىكەن. شۇڭلاشقا ”نازۇگۇم“ غەزەل ساداسى ئەل ئىچىدە تا بۈگۈنگىچە ياڭرىماقتا. شۇنداقلا بۇ يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىق دېگەننىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ئاقساقال تۇرغۇزۇش يارلىغى بولغان ئىكەن. بومۇ تا ھازىرغىچە مەۋجۇت.

مۇھەممەت ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ گۇنايىنى كەچۈرگەي!) ئاقىۋەت بۇ پايانسىز ئالەمدىن خوشاللىق سارىيىغا كۆچتى، (128) ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خۇدايارخان تەختكە چىقتى. بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن ئالامانچىلار خۇدايارخاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاكىسى مەلىخانىنى خان كۆتەردى. خۇدايارخان ئۆزىنى بۇخارايى شېرىپكە ئالدى. قىرغىز موللا ئەلەم قولىنىڭ ئىغۋاسى بىلەن مەلىخانىنى شېھىت قىلدى. بۇ ئاران تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇ چاغدا تاشكەنت ھاكىمى قانائەت شا غازى تاجىكنىڭ مەسلىھىتى ۋە دالالىتى بىلەن، بۇخارادىن خۇدايارخاننى ئېلىپ كېلىپ، يەنە خان قىلدى. ئەمما ئەقىلسىز قىرغىز موللا ئەلەم قول بىرنەچچە بۆلگۈنچى قىپچاق ۋە قىرغىزنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلار ئارقىلىق بىر مۇنچە لۈكچەك ۋە باشباشتاقنى توپلاپ، ھۆكۈمەت تۇتۇش ئارزۇسى بىلەن، خۇدايارخانغا قارشىلىق نەغرىسىنى ئاشكارا ياڭرىتىپ سوقتى. فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت شەرابىتى كۈندىن كۈنگە زەئىپلىككە قاراپ يۈزلەندى.

تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش سەكسىزىنچى يىلى (مىلادى 1861 ـــ 1862 ـ يىلى) خۇدايارخان ئىككىنچى قېتىم تەختكە ئولتۇردى. بۇ ئارىلىقتا ۋەلى خان تۆرەم كاشغەر شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىشلاق ۋە كەنتلەرنى قولىغا كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن پاسىق ـ بۇزۇق ۋە زالىم جەللادلارنى قەتلى قىلىپ، جەسەتلىرىنى ئىت ۋە قاغا ـ قۇزغۇنلارغا تاشلاپتۇ. كاپىر ۋە يامان پاسىقلار مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەر ـ ئايال پېشۋالارنىڭ بېشىنى كېسىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تۆت كەللە مۇنارىسى ياساپتۇ. مۇنارنىڭ ئىگىزلىگى ئون ئىككى گەز مىقدارى كېلەتتى دەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بەك چېكىش، ھاياسىز ئىشلارنى قىلىش ۋە قان تۆكۈشتىن ھېچقانداق ئۆزىنى تارتىپ، ئېھتىيات قىلمايدىكەن، كۈنلەردىن بىرىدە سەھرالىق بىر قېرى مەزلۇم نان ـ توقاچ ۋە قېتىق ـ قايماقلارنى ئېلىپ، تۆرەمنىڭ ئوردىسىغا كىرىپتۇ. ياساۋۇل بېشى ”ئەي ئانا، نېمە ئەرزىڭىز بار؟، دەپ سورىغاندا، ئۇ ”خوجامدىن ئىمان تىلەپ كەلدىم، بۇنىڭدىن بۆلەك ئەرزىم يوق“ دەپتۇ. ياساۋۇل بېشى ”ئەي ئانا، ئەنجاندىن ئېلىپ كەلگەن ئىمانلىرىمىزنى تامامەن ئادەملەرگە ئىنئام قىلىپ بەردۇق، ھالبۇكى، خوجامدا ياكى بىزدە ئىمان قالمىدى. ئەنجاندىن ئىمان ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن نەچچە ئات چىقاردۇق. ئىمان كەلگەندە مەن خەۋەر قىلاي. شۇ چاغدا كېلىپ ئىماننى ئېلىپ كېتىڭ“ دەپ، ئۆز زامانىغا لايىق ۋە ئاقىللارچە ئاجايىپ ياخشى جاۋاپ بېرىپتۇ.

كېيىنچە يەنە نۇرغۇن قارا چېرىكلەر كەلدى. تۆرەم باراۋەرلىك قىلالماي قاچتى. نۇرغۇن ناھەق قانلار تۆكۈلۈپ، تولا ئادەم ھالاكەتكە ئۇچرىدى، يەنە مۇنداق بىر رىۋايەت باركى، كۈنلەردىن بىرىدە بىر شاخكەر تۆمۈرچى (قىلىچ ياسايدىغان ئۇستا ـ ت) بىر قىلىچ تەييارلاپ، تۆرەمگە كۆرۈنۈش بېرىپ، دۇئالىرىنى ئېلىپ، بىر زىيارەت قىلىپ كېلەم دېگەن نىيەت ۋە ئارزۇدا ئون يەتتە ـ ئون سەككىز ياشلاردىكى تېپىلماس بىر ئوغلىنى ھەمرا قىلىپ، تۆرەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىپ، كۆرۈنۈش بېرىپ، نەزىرىدىن ئۆتۈپتۇ. بۇ چاغدا تۆرەم ”ئەي ئۇستا، بۇ قىلىچىڭىز كېسەمدۇ“ دەپ سورىغاندا، ئۇستا ”بەك ياخشى كېسىدۇ“ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. تۆرەم ”ئەي ئوغۇل، ماڭا يېقىن كەل“ دېگەن ئىكەن. بۇ بالا يېقىن بېرىشى بىلەنلا قىلىچ بىلەن ئۇ بالىنىڭ گەدىنىگە ئۇرغان ئىكەن، بالىنىڭ بېشى سەكرەپ يەرگە چۈشۈپتۇ. تۆرەم ”كېسىدىكەن، ئۈستىگە ئون ئېلىپ چىق“ دەپ بىر چىت تون بېرىپ چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇستا يىغلاپ ـ يىغلاپ بالىسىنىڭ جەسىدىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە كېتىپتۇ. كېيىنچە يەنە كاتتاخان تۆرەم، كىچىك خان تۆرەلەر كېلىپ، كاشغەرنى ئۈچ ئاي قامال قىلىپ ئالالماي، مەقسىتىگە يېتەلمەي، ئۆز ۋەتەن ـ يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتتى. بۇلارنىڭ قىسسە ۋە ئەپسانىلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلسام، ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا مالال كەلتۈرۈپ، سۆزىمىز مەقسەت تەرەپتىن يىراققا چۈشۈپ كېتەرمىكىن دېگەن ئېھتىمال ئېتىراز بىلەن، قەلەمنىڭ خۇش گۈزەل يۈرۈش تىزگىنىنى مەقسەت يولىغا تارتتىم. بۇلارنىڭ قىسسە ۋە ھېكايىلىرىدىن قايتتىم، ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن سۆزۈمنى تۈگەتتىم.

6

خاقانى چىننىڭ ئەۋۋەلقى زاماندا مۇسۇلمان بولغانلىغى، تۇڭگانى تايىپىلىرىنىڭ بېيجىڭ مەملىكىتىدە ۋەتەن تۇتقانلىغى، ئۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان جىدەل ـ ماجىرالىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە خاقانى چىننى مەملىكىتىنى زەئىپلىكە شۇڭغۇتۇپ بۇزۇشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ باشتىن ـ ئاخىر تەپسىلىي بايانى

راست سۆزلۈك رىۋايەتچىلەر ۋە پەم ـ پاراسەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ قىسسە ۋە ئېلان قىلىشلىرىدىن شۇ نەرسە مەلۇم ۋە مەزمۇن بولدىكى، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلى يەنى يىلان يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ بىرىنچى كۈنى (مىلادى 1864 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى) جەۋزا (ئەرەندىز ياكى گېزەك يۇلتۇزى) پەسلىنىڭ ئاخىرىدىكى شەنبە كېچىسى كۇچاردا ئولتۇرۇشلۇق تۇڭگانى ماشۇر ئاخۇن، مالۇڭ شەمشىدىن خەلىپىلەر باش بولۇپ، كۇچارنىڭ ۋەيشاڭ بازارلىرىغا ئوت قويۇپ، مەنسەپدار، چېرىك ۋە مەيىمەچىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، خاقاننىڭ ئەمىر ـ ئىتائىتىدىن چىقتى. تۇڭگانلارنىڭ ئەمىر ـ ئىتائەتتىن چىقىش سەۋەپ ـ ئىللەتلىرىنى بايان قىلىش لازىم ئىدى. لېكىن بۇ ھەقتە ھەر خىل كىشىلەر ھەر خىل سەۋەپ ـ پاكىتلارنى كۆرسىتىپ، ھەر خىل رىۋايەت قىلىشىدۇ. بىرىسىنىڭ سۆزى يەنە بىرىسىنىڭ سۆزىگە مۇخالىپ كېلىدۇ، بۇ مۇجەمەل نەقىل قىلغۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەر خىل سۆزلەرنى بۇ ۋاراق سەھىپىسىگە ئورنىتىش لايىق ۋە مۇۋاپىق كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاقىللارنىڭ ئەقلىگە ماقۇل بولىدىغان ھېكايىلەرنى بايان قىلىشى كېرەكلىگىنى ماقۇل كۆرۈپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى رىۋايەتلەر قىسقىچە ۋە ئازراق نەقىلەن بايان قىلىندى.

ۋەقەلەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئەڭ بۇرۇن فەغفۇرچىنى مەملىكىتىدە بىر ئادالەتپەرۋەر ۋە پۇقراپەرۋەر تاڭۋاڭ خان (129) دېگەن بىر خان بار ئىكەن. بۇ خان بىر كېچىسى چۈشىدە بىر ئەجدىھانىڭ خان ئوردىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۆزىگە چېرىمىشىپ، خاننى دەم تارتقىلى تۇرغانلىغىنى كۆرۈپتۇ. بۇ چاغدا يېشىل چاپان كىيگەن ۋە بېشىغا بىر ئاق نەرسە يۆگىگەن ھەيۋەتلىك بىر ئادەم كېلىپ، ھاسىسى بىلەن ئەجدىھانى ئۇرۇپتۇ. ئەجدىھا ئىككى پارچىغا بۆلۈنۈپ ئۆلۈپتۇ. خان قورقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، ۋەزىر، ئەمىر ۋە چۈش ئۈرىدىغان مۆتىۋەرلىرىنى ھازىر قىلىپ، كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلىپ، تەبىرىنى سوراپتۇ. دانا مۆتىۋەرلەر ”بۇ زاماندا قىبلە تەرەپتە ئوشبۇ سۈرەتلىك بىر ئادەم پەيدا بولۇپ، پەيغەمبەرلىك دەۋاسىنى قىلار ئىمىش، بەلكى شۇ كىشىنى كۆرگەندۇرسىز“ دەپ مەلۇم قىلدى. خان ”مەزكۇر ئادەمنى تېپىپ ئېلىپ كەلسۇن“ دەپ يارلىق قىلدى. ۋەزىرلىرى ”ئۇنداق بولسا سوغا ـ سالاملارنى راسلاپ بەرسەك“ دېگەندە، چاي، چىنە، تاۋار ھەدىيە ـ سوغا قىلىپ، ئىشەنچلىك ئادەملىرىدىن قابىلىيەتلىك بىر كىشىنى باش قىلىپ يولغا سالدى. بۇ كىشى شەھەرمۇ شەھەر يۈرۈپ، ئاخىرى مۇشۇ سۈپەتلىك مەزكۇر ئادەمگە، يەنى پەيغەمبىرى ئاخىر زامانغا ئۇچراشتى ۋە ئەرز ئەھۋالنى بىر ـ بىرلەپ مەلۇم قىلىپ، چاي، تاۋار، چىنەلىرىنى سوغا قىلىپ، ئۇنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزدى. پەيغەمبەر خوش بولۇپ دۇئا قىلدى. شۇڭلاشقا چاي، چىنە، تاۋارلار ھەممە مەملىكەتتە ئەزىز ـ ئېتىۋار دەيدىكەن.

بىرنەچچە كۈندىن كېيىن پەيغەمبەر خەت قىلىپ ئەلچىگە بېرىپ ”ئەمدى سىزگە رۇخسەت“ دەپ جاۋاپ بەردى. ئەلچى ”مەن ئۆزلىرىنى تەكلىپ قىلغىلى كەلگەن ئىدىم“ دەپ ئەدەپ بىلەن تۇرغاندا، پەيغەمبەر ”ئوشبۇ خەتنى ئېلىپ بېرىڭ، ئوغلىڭىز ئۆز قولى بىلەن ئاچسۇن، بۆلەك كىشى ئاچمىسۇن، مەنمۇ شۇ ۋاقتىدا ھازىر بولىمەن“ دېدى. ئەلچى راۋان بولۇپ، بىرنەچچە مۇددەتتىن كېيىن بىر مەنزىلگە كەلدى. شەيتاننىڭ ۋەسوۋەسىسى بىلەن خەتنى ئاچماقنى ئىختىيار قىلىپ ئاچتى. خەتنىڭ ئىچىدىن بىر كىشى چىقىپ كەتكەندەك مەلۇم بولدى، پۇشايمان قىلدى. لېكىن ئۇنىڭدىن پايدا چىقمىدى. خەتنى بۇرۇنقىدەك يەملەپ، خاننىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ھەممە ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى. خان خەتنى ئېچىپ كۆردى. بۇ خەت بەشىنچە پۈتۈلگەن ئىكەن. تەئەججۈپ قىلىپ ”بۇ خەتنى كىم پۈتتى“ دەپ سورىغاندا، ئەلچى ”مەن بىلمىدىم“ دەپ جاۋاپ بەردى. چۈنكى ئۇ ئەسلى ۋەقەنى كۆرمىگەن ۋە بىلمىگەن ئىدى. خان ”خەتنى كىم ئاچتى؟ ئەگەر راستىنى ئېيتساڭ گۇنايىڭنى ئەپۇ قىلىمەن، يالغان ئېيتساڭ تىرىك قويمايمەن“ دەپ سوراپ سىياسەت يارلىق قىلغاندا، ئەلچى يالغانچىلىق قىلالماي، ۋەقەنى مەلۇم قىلدى. ئادالەت شۇئارخان بۇنىڭ گۇنايىنى ئەپۇ قىلىپ، ”ئەپۇ قىلغان گۇنايىگنى يۇيۇش ئۈچۈن، ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، ئۆزىنى ۋە خېتىنى ئېلىپ كەلگىن“ دەپ يارلىق قىلىپ بۇيرۇدى.

ئەلچى بىر قانچە مۇددەت يول يۈرۈپ، مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن بۇ بەرىكەتلىك زاتنىڭ ئالىي ئۆتەڭگە باردى. پەيغەمبەرنى كۆرۈش بىلەنلا: ”شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ، ئۇلۇغىمۇ قىلدىڭ، خەتنى ئاچمىغىن دېمىدىممۇ؟“ دەپ ساھابىلىرىدىن قاس، ئاس، ۋەققاس دېگەن ئۈچ ئۇلۇغ كىشىنى بۇيرۇپ، يەنە يەتتە ئادەم قوشۇپ، بۇ ئون كىشىنى مەزكۇر ئەلچى بىلەن يولغا سالدى. بۇلار مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يۈرۈپ، جاييۇگۈەن (جايۈگۈەن ـ ت) گە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ بىرىسى ۋاپات بولدى ۋە بۇ جايدا دەپنە قىلىندى. يەنە بۈگۈردىمۇ ”ئەككاش“ دېگەن بىر ئالى ماقام مازار بار. بەزىلەر بۇ شۇ كىشىنىڭ مازىرى دەيدۇ. جاييۇگۈەندىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىرى ۋاپات بولدى. بۇنىڭ مازىرى ”ئوققاس بوۋام“ دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. ئەلچى قالغان سەككىز كىشىنى خان شەھىرىگە يېقىن ئېلىپ بارغاندا، خان ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا ئادەم چىقىرىپ ئۆزىمۇ چىقىپ، ئىززەت ـ ھۆرمەت رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن پايتەختكە چۈشۈردى. خان ”مەن چۈشۈمدە كۆرگەن كىشى كەلمەپتۇ“ دەپ كۆڭلى غەمكىن بولدى. لېكىن ئۇ ئىمانى شېرىپىنى ئادا قىلىدىغان چاغدا ۋەزىرلەرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشتى. ئون ئىككى ۋەزىرى بار ئىدى. بەزىلىرى ماقۇل بولۇپ، بەزىلىرى ماقۇل تۇتمىدى. لېكىن خان ئۆزلىرىدىن مەخپىي ئىسلام دىنى شەرائىتىگە ئىگە بولدى دېگەن گەپلەر بار.

لېكىن، بۇ سەككىز كىشى بېيجىڭ ئەھلىنىڭ سۆزىنى بىلمەيتتى بېيجىڭ ئەھلىمۇ بۇلارنىڭ تىلىنى ئۇقمايتتى، ئۇلار ناھايىتى كۆپ تەڭلىكتە قالدى. خان ”بۇ مۇسۇلمانلار بۇ يەردە غېرىپ بولۇپ قالدى، بۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، مۇڭ ـ ئۈلپەت قىلىشىدىغان ئادەم تېپىپ كېلىنسۇن“ دەپ يارلىق قىلدى. ئىشەنچلىك بىر ئادىمى سەكسەن ئۆيلۈك پۇقرانى ئېلىپ سەمەرقەنت مەملىكىتىگە باردى. بۇ ئادەملەرگە سەمەرقەنتتىن قىرىق ئادەم تېگىشىپ ئېلىپ كەلدى، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سانى جەمئىي قىرىق سەككىز ئادەم بولدى. تۇڭگانى تايىپىلىرى ”بىز سەمەرقەنتتىن بولىمىز“ دېگەنلىرىگە سەۋەپ مۇشۇ بولسا كېرەك. سەمەرقەنت پادىشاسى بۇ سەكسەن ئۆيلۈك ئادەمگە كەڭرى زېمىن ۋە يايلاقلارنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇلار شۇ جايدا ۋەتەن تۇتۇپ قالدى، ئەۋلاتلىرىمۇ كۆپەيدى. ”خىتاي قىپچاق“ دېگەن تايىپىلەرنى ئوشبۇ ئۇرۇغدىن بولىدۇ دېگەن رىۋايەت ۋە ھېكايىلەر نەقىل قىلىنىدۇ.

لېكىن، بەزى ئىشەنچلىك تارىخ كىتابلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاخىرقى زامان پەيغەمبىرى دەۋرىدە سەمەرقەنت ئەھلى تېخى ئىسلام دىنى شەرىپىگە ئىگە بولمىغان ئىكەن. بۇ تارىخ كىتابلىرىدا يەنە ”بېيجىڭ نامە يازدى ياكى ئۇ تەرەپتىن ئەلچىلەر كەلدى“ دېگەن سۆزمۇ كۆرۈلمىدى. لېكىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى پەيغەمبەرلەر زامانىدا پەيغەمبەر تەبىئەتلىك كامالى دەرىجىگە يەتكەن بىرەر شەرىئەتپەرۋەر كارامەت ئىگىسى ئۆتكەن بولسا كېرەك. تۇڭگانى تايىپىلىرى بۇنى بىلمەي، بۇ ۋەقە پەيغەمبىرى ئاخىرقى زامان دەۋرىدە بولغان ئىش دەپ، ئۆزلىرىنىڭ نەسەپلىرىنى شۇ ئادەمگە باغلىغان بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا، ھەممە تۇڭگانىلار مۇشۇ قىرىق سەككىز مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادىدۇر دېگەن گەپلەر بار. لېكىن، شەھەرمۇ ـ شەھەرلەردىكى خىتايلار ئەھلى توغرا يول تېپىپ، تۇڭگانىلارنىڭ مەزھەپلىرىنى ئىختىيار قىلىپ، مۇسۇلمان بولۇپتۇ. تۇڭگان ئەھلى بولسا ئۆز مىللىتىنى تاشلاپ كاپىر ۋە دىنسىز ئاسىسى بولماپتۇ. شۇڭلاشقا، تۇڭگان گۇرۇھى بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ دەپ بايان قىلىنىدۇ.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە، توغرا يول ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا كىرىپ شەھەرپىگە ئىگە بولغان خان ئۆز يۇرتلىرىغا ”ئىسلام دىنى مەنىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغان ھەرقانداق ئادەم تارخان (ئەركىن ـ ت) بولىدۇ ۋە ئامان ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئابايى ـ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قائىدە ـ رەسمىيەتلىرىدىن چىقمايمىز دېسىمۇ ئىختىيار ئۆزىدە بولىدۇ“ دەپ يارلىق چۈشۈردى. خاقانى چىننىڭ قەدىمدىن بۇيانقى قائىدە ـ رەسمىيەتلىرى بويىچە، پۇقرالار قايسى دىن ۋە قايسى مەزھەپكە كىرسە، بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ كارى يوق ئىدى. ئۆز دىنىدىكىلەرنى باشقا دىن ياكى مەزھەپكە تەرغىپ ۋە تەكلىپ قىلمايتتى. ھەركىم ئۆز دىنىدا ۋە مىللىتىدە مۇستەھكەم بولسا، ياخشى ئىش دەپ قارىلاتتى. خان يەنە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشىغا ھەر خىل بانا ـ سەۋەپلەرنى قىلىپ، ئۆز قائىدە ـ رەسمىيەتلىرى بويىچە چاڭشىلە يەنى ئويۇن ـ تاماشا ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ”ئەر ۋە ئايال، ياش ۋە قېرىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئويۇنغا جەم بولسۇن، ئەگەر بۇ تاماشىغا كەلگەن ياش خوتۇنلار ياكى كىچىك قىزلار بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئىتىگە ياقسىلا، مەن ئۇلارنى بۇيرۇپ بېرىمەن. ئەگەر بۇلارنىڭ بىرى ياكى پەرزەنتى بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا رىئايە قىلمايمەن“ دەپ يارلىق قىلدى. بۇ مۇسۇلمانلار كۆڭلى ۋە تەبىئىتى خالىغانلارنى تۇتتى، خاننىڭ يارلىغى بىلەن ئۇلارنى شەرىئىتى مۇستاپاۋىيە (پەيغەمبەر شەرىئىتى ـ ت) قائىدىسى بويىچە ئەمىر ـ ئەقدىگە ئېلىپ، ئۆي ـ تائەللۇق تۇتۇپ قالدى. بۇلار ”تۇڭگانى“ دەپ ئاتالدى. لېكىن، ئۇلار ئادەملەر يىغىلغان باشقا ھەرقانداق جايلاردىمۇ ئېرى بار خوتۇنلار ۋە قىز بالـلارنى ئىگىلەپ، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدىن يىراقلاشتى. شۇڭلاشقا، پۇقرالار ئۇلارنى ”سۇخۇي خۇي ئىكەن“ دېيىشتى. بۇ ”يۈزى يوق ئىكەن“ دېگەن سۆز بولىدىكەن. خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار جىدەل ـ ماجىرا قىلىپ قالسا، خىتايلار ئۇلارغا ”سۇخۇي خۇي“ دەپ، دەشنەم بېرىدىكەن. لېكىن، خاقان ئەللىك خىتاينى بىر تۇڭگانى بىلەن تەڭ قۇياتتى. ئەللىك خىل گۇنا ئۆتمىگىچە تۇڭگانىلارنى سىياسىتىدىن ئۆتكۈزمەيتتى. دېمەك، تۇڭگانىلار بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانچە ئىشتا يۈز ـ خاتىر قىلىنىپ كەلگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ، خىتايلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولدى. شەرىئەتنىڭ دوستى بولغان خان بىرنەچچە يىلدىن كېيىن باقى ئالەمگە پەرۋاز قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىنى ئوغلى ئىگىلىدى. بىر قانچە ئەۋلات ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە توغرى يولدىن چىقىپ، ئۆز دىنلىرىغا ياندى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ۋەققاس بوۋاممۇ مەڭگۈلۈك باغچىسىغا چىرايلىق يۈرۈپ كەتتى. (130) ئۇنىڭ مازىرى تا ھازىرغىچە مەشھۇر دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، تۇڭگان تايىپىلىرى يەنە شۇنداق بىر قانچە ئەسىر ۋە بىر قانچە يۈز يىللارغىچە ئەركىن ئۆتتى. ئاقىۋەت ئۇلار شى نەن فۇ (131) دېگەن بىر شەھەردە مەدرىسىدەك بىر خانىقا بىنا قىلىپ، بىر مۇنچە يېتىم خاندىن تىلەپ ئېلىپ سۇ چىقىرىپ، مەسۇلاتنى خانىقاغا ۋەخپە قىلىپ، مەدرىسىدە تۇرىدىغان تالىپ ۋە ئەلەم ئاخۇنلارنى يېيىنلەپ ياشاپ كەلگەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋەخپە ئاشلىققا خىتايلارنىڭ كۆز ـ كۆزى كىرىپتۇ. بىر قانچە قېتىم ھەيدەپ چىقىرىپ، ئارىدا جىدەل ـ ماجىرالار بولۇپتۇ. ئاخىرى بۇغداينى خامان قىلىۋاتقان چاغدا، چەچ بۇغدايغا يەنە تۇڭگۇز كىرىپ يەپ كېتىپتۇ. تۇڭگانلار تۇڭگۇزنىڭ خىتاي بىلەن ماجىرا قىلىپ بىر بىرىنى ئۇرۇپتۇ. خىتايلار خىتايغا، مەدرىسىدە ياتقان تالىپلار تۇڭگانلارغا ھامى بولۇپتۇ، جىدەل ـ ماجىرا ئۇلغىيىپ، بۇنىڭ خەۋىرى شەھەرنىڭ ئۇلۇغىغا ئاڭلاپ، جىدەلنى پەسەيتىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغىغا خەت يېزىپ ”بۇ ۋەخپە زېمىننى تۇڭگانلار نەچچە يىلدىن بۇيان تېرىپ ـ تېرىپ، ھۆسۈلىنى ئالدى، ئەمدى بۇ يەرنى خەتە (دۆلەت ـ ت) ئىختىيارىغا تاپشۇرۇۋېلىپ، يەرنى سېتىپ پۇلىنى غەزىنىگە تاپشۇرساق“ دەپ مەلۇم قىلىپ، ئۇلۇغىنى ماقۇل قىلىپتۇ. يەرنى سېتىش قارارىغا كېلىپ ئادەم چىقىرىپ، يەرنى سىزىپ، نەرقنى تەيىن قىلىۋاتقاندا، مەدرىسىدىكى موللىلار ۋە تۇڭگانلار غەلۋە قىلىپ، يەر ساتقىلى چىققان مۇلازىملارنى ھەيدەپ ئۇرۇپ شەھەرگە قوغلاپتۇ. بۇلار شەھەرگە كىرىپلا دەرۋازىنى مەھكەم قىلىپ، جەڭ ـ مۇھارىبىگە كىرىشىپتۇ. تۇڭگانلار گۇرۇھىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۆز ئىچىدىن ماخالۇڭ موللا (132) دېگەن پىر ئۆلىماسىنى خان كۆتۈرۈپ، چىڭ جۇفۇ (133) دېگەن بىر كاتتا شەھەرنى بىنا قىلىپ، خاننى بۇ شەھەردە سەلەتەنەت تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.

لېكىن بۇ چاغدا خاقانى چىنغا تەۋە بىر مۇنچە جايلارغا ئەنگىلىس (ئىنگلىز ـ ت) خىرىستىيانلىرى غالىپ كېلىپ، بېرما دېگەن ۋىلايەتنى يەتمىش ئىككى چوڭ شەھىرى بىلەن قوشۇپ بېسىۋېلىپتۇ. ۋە بىر قانچە شەھەرنى خاراپ ۋە ۋەيران قىلىپتۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئوسۇڭكۇي يەنى جەن مۇزا (134) دېگەن تايىپىلەر خانلىق تالاشتى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلارنىڭ جىدەل ـ ماجراسى بولدى. ئاقىۋەت تۇڭگانلار چىڭ جۇفۇدا تۇرالماي، ئۆزىنى بىر ياقا يۇرتلارغا ئالماقنى غەرەز قىلىپ، غەرب تەرەپكە قەدەم قويۇپتۇ. ئۇلۇغ خان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بۇ تەرەپتىكى ۋىلايەتلىرىنىڭ چوڭلىرىغا: ”بىرنەچچە تۇڭگانلار ئەمىر ـ ئىتائەتتىن چىققان ئىدى. بۇلار تەشۋىق ـ نەسىھەت ھەم ۋەدىلەرنى قىلساقمۇ ئاڭلىماي، ئۆزلىرىنىڭ ئەيىپلىرىدىن قورقۇپ ئەندىشە قىلىپ تۇرالماي، غەرب تەرەپكە يۈزلىنىپتۇ. ئەگەر بۇلار ئۆ تەرەپكە بارىدىغان بولسا، ئۇ جايدىكى تۇڭگانلار بۇلارغا يار ـ ھەمدەم بولۇپ، ئۇششاق پۇقرالارنى پاراكەندە قىلىدىغان ئېھتىمالى بار. بۇ يارلىقنى كۆرگەن ھامان ھەرقايسى شەھەرلەردىكى تۇڭگانلارنى تامامەن يوق قىلىپ، ئۈچۈرى مېنىڭ ئۇلۇغ خانغا يەتكۈزۈلسۈن“ دەپ يارلىق بېرىپتۇ.

بۇ يارلىق ئىلى جاڭجۈنىگىمۇ كەلگەن ئىكەن. ئىلى جاڭجۈنى ھەيران بولۇپ ”بۇ تۇڭگانلار تولا خەلقتۇر. ئۇلارنىڭ پېئىل ـ خۇيلىرىمۇ باشقىچە. ئەگەر ئۇلار بۇ ئەھۋالدىن ئازلا پۇراق سەزسە، بىز ئاخشاملىق قىلغىچە، بۇ تايىپىلەرنىڭ ناشتىلىق قىلىش ئېھتىمالى بار. ئىچكىرىدىن كېلىدىغان تۇڭگانلارنىڭ مەنزىلى تېخى ئۆزۈن، ئۇنىڭغىچە بۇ تۇڭگانلارنى ئېلىپ كىرىپ، مۇلايىم سۆزلەر بىلەن تەشۋىق ـ نەسىھەت قىلىپ، ئەھدى ـ پەيمانلارنى مەھكەم قىلىپ قويساك، بۇلارمۇ خاتىرجەم بولۇپ، ئۆز كەسىپ ۋە ھۈنەرلىرىنى، پۇقراچىلىغىنى قىلىدۇ“ دەپ، بىرنەچچە تۇڭگانى ئېلىپ كىرىپ، ئەھدى ـ پەيمان ۋە ئانت ـ ئىمانلار بىلەن نەسىھەت قىلىپ چىقاردى. ئەمما تۇڭگانلار خاتىرجەم بولالماي، كېچىلىرى ئۇيقۇغىمۇ بارالماي، مەسچىت، مازارلاردا تۈنەپ، نەزىر ـ چىراقلارنى قىلىپ، بىر ئايدا بىر نۆۋەت ئالمايدىغانلارمۇ ھەر كۈنى نەچچە نۆۋەت غۇسۇل ـ تاھارەت قىلىدىغان بولدى. غەم ـ ئەندىشىسى كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى. لېكىن، جاڭجۈن تۇڭگانلارنىڭ پېئىل ـ ئەتۋارىنى بىلىپ ۋە ئۆز ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەھدى ـ پەيمانلارنى بۇزۇپ، يارلىقنى جارى قىلىپ، شەھەر ـ شەھەرلەرگە تۇڭگانى تايىپىلىرىنى ئىجرا قىلىپ ”پالان كۈنى، پالان سائەتتە تۇڭگانى تايىپىلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار“ دەپ خەت ئەۋەتتى. ئەمما ئۈرۈمچىدە سودالۇيە (135) دېگەن بىر تۇڭگانى خىتاي ئىچىدە مەنسەپدار ئىدى. ئوغلى بولسا بىر جام ـ ئۈتەڭدە سىيە (خەت چەك باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ـ ت) ئىكەن. مەزكۇر سىيە بۇ قىرغىنچىلىق يارلىغىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ دادىسىغا دەپ قويۇپتۇ. دادىسى شەھەر ـ شەھەردىكى تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىغا سۈرەت ـ ۋەقەنى تىزھار قىلىپ خەت يېزىپتۇ. جاڭجۈننىڭ خېتىنى بولسا بېسىپ قويۇپتۇ. سودالۇيەنىڭ خېتى كېلىش بىلەنلا، كۇچاردىكى تۇڭگانلار بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ، بازار ۋە يىشاڭلارغا ئوت قويۇپ، ئۇچرىغان خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، قەتئىي ئىتائەتتىن چىقىپتۇ. تېخى ئۆتكۈزۈلمىگەن گۇناغا جاۋاپكار قىلىش بولسا، ھېچقانداق مەزھەپتە دۇرۇس ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇلار ئۇنى قىلدى ـ دە، جازاسىنى تاپتى.

يەنە ئۆز قىسسىمىزگە كېلەيلى. تۇڭگانى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتائەتتىن چىقىپ، باش قايتۇرۇشىغا يەنە مۇنداق بىر سەۋەپ بار ئىدى. يەنى ئاۋالقى زاماندا فەغفۇرچىنى چېرىك ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى تۇنجى قېتىم ئىگىلىگەن چاغدا، خان ئىلتىپات بىلەن: ”مۇسۇلمان پۇقرالار قەدىمدىن بۇيان قانداق قائىدە ـ رەسمىيەتلىرىنى تۇتۇپ، قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىگىنى ئۇلارنىڭ پېشقەدەم سالنامىچىلىرى ۋە دانا ئادەملىرىدىن سوراپ بىلىپ ماڭا ئۇچۇر بېرىڭلار“ دەپ يارلىق قىلغان ئىكەن. مەنسەپدارلار يۇرتنىڭ پازىللىرىنى يىغىپ، خاننىڭ يارلىغىنى ئوقۇتتۇرۇپ سورىغاندا، بۇلار: ”بىز مۇسۇلمانمىز، خۇداۋەندە كېرىم بىزگە بەش پەرزنى يەنى بىنايى مۇسۇلمانچىلىقنى ئەمىر قىلغان ئىدى. بىز بۇ بەش پەرزنى ئادا قىلىپ كەلدۇق“ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئۇچۇرىنى ئۇلۇغ خانغا يەتكۈزگەن ئىكەن. بۇ چاغدا ئۇلۇغ خاندىن يەنە ”ئانداق بولسا مەنمۇ ئوششاق پۇقرالىرىمغا بەش تۈرلۈك ئىشنى بۇيرۇدۇم. يەنى ئۇلار تېرىغان ئاشلىقلىرىدىن دەھيەك (1/10 خىراج ـ ت) بەرسۇن، ئۆتەڭدە خىزمەت قىلىپ، قارادىن قاراغىچە خەت، ئەرز ئېلىپ بارسۇن ۋە قارالاردىن خەۋەر ئالسۇن. شاڭ بوز ـ خامنى بۇرۇنقى قائىدە ـ رەسمىيەت بويىچە تۆلەپ تۇرسۇن. بۇ بەش تۈرلۈك ئالۋاڭنى تەيىنلەپ توختىتىپ بەردىم. مۇندىن ئارتۇق نەرسە بېرىلمىسۇن ۋە ئېلىنمىسۇن، بەلگىلەنگەن مەزكۇر ئالۋاڭنى كەم ۋە ئارتۇق قىلماي تۆلەپ، تىنچلىق بىلەن ئۆز پۇقراچىلىغىنى قىلسۇن“ دەپ يارلىق قىلىپتۇ. مەنسەپدارلارغىمۇ ئەھۋالغا قاراپ كۈمۈش، زېمىن ۋە ئادەملەرنى تەيىنلەپ مائاش ـ كۆلەڭ بەلگىلەپ، ھەرقايسى يۇرتلارغا دەستۇر ـ ئەمەل يەنى ئەن ـ قائىدىلەرنى توختىتىپ بەرگەن ئىكەن. مەنسەپدارلار ئۇزۇن زامانغىچە بۇ يارلىقنى چىڭ تۇتۇپ، كەم ياكى زىيادە قىلماي (يولدىن چىقماي) ئىش قىلىپتۇ. لېكىن، مەنسەپدارلار ۋاقىتلار ئۆتكەنسېرى بۇ يارلىقلارغا چىكىدىن ئاشقان ھەر خىل بەلگىلىمىلەرنى قوشۇپ، ھەر خىل يامان قائىدە ـ يوسۇنلارنى پەيدا قىلىپ، جەۋرى ـ زۇلۇمنى كۈچەيتىپتۇ. شۇڭلاشقا، پۇقرالار بۇ ئەھۋاللارغا تاقەت قىلالماي، ئەرز ئەھۋالىنى ئامبان، دالويە ۋە ھاكىملارغا مەلۇم قىلدى. مەسىلەن، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى باي زېمىنىدىن ئەيسا گۈنبەز، مۇھەممەت ئەلى بۇغرا دېگەن كىشىلەر باشچىلىغىدىكى باي خەلقى ئەرز قىلىپ ”خان بىزگە ئەن ـ قائىدە قىلىپ توختىتىپ بەرگەن بەش تۈرلۈك ئالۋاڭنى بېرىمىز، لېكىن، مەنسەپدارلار مۇندىن ئارتۇق ئالمىسۇن ۋە بەرمىسىمۇ“ دېگەن يارلىق بېرىلگەن ئىدى ھەم مەنسەپدارلار خىتاي ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭمۇ ئۆز مائاشىنى توختىتىپ بەرگەن ئىدى. مەنسەپدارلىرىمىز ئۆز مائاشىنى يەپ ئوششاق پۇقرالىرىمىزدىن تىنچلىق بىلەن خەۋەر ئالسۇن دەپ يارلىق بېرىلگەن. ئەمما بىزنىڭ ئۇلۇغ خان بىزنىڭ ئارتۇق بەرگەن ئالۋانلىرىمىزنى بىلمەيدۇ. بۇ ئالۋانلار خاننىڭ غەزىنىسىگىمۇ كىرمەيدۇ. بىز ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغىدىن چىقمايمىز، لېكىن بەلگىلەنگەن بۇ بەش تۈرلۈك ئالۋاندىن ئارتۇق بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمىز“ دەپ مەلۇم قىلدى. لېكىن، بۇ خىل بەش تۈرلۈك ئالۋانلارنى تۆلەشنى توختاتماي ۋە ئۇنىڭغا تاقەتمۇ قىلالماي، يەنە بىرنەچچە ۋاقىت ياشىدى. خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلار بىرنىمە دەپ جاۋاپ بېرەلمەي چارىسىز قالدى. ئاقىۋەت يۇرت بەگلىرى ۋە تۈڭچى ـ تىلماچلار مەسلىھەت قىلىشىپ، ”بىرنەچچە ئادەم ئۇلۇغ خاننىڭ ئەمىر ـ ئىتائەتلىرىدىن چىقىپ ياغى ۋە تاغى بولۇپ (مالىمان بولۇپ ـ ت)، چوماق، كالتەكلەرنى كۆتۈرۈپ توپاڭلاڭ كۆتەردى“ دەپ ئامبانغا مەلۇم قىلدى.

مەنسەپدارلارمۇ بىلمەيدىغان كىشى بولۇپ، بۇ بەگلىرىنىڭ ئەرزىنى ھېسابقا ئېلىپ، چېرىك ئەۋەتىپ، ئۇلارنى باغلاپ تۇتۇپ كەلدى. ئەيسا گۈنبەز باشلىق ئون يەتتە ئادەمنى دارغا ئاستى. بىر قانچىسىنى مەھكەم نەزەربەنت قىلدى. بەزىلىرىنى تامغا تىرىك چاپلاپ يوق قىلدى. بەزىلىرىنى ئۇسسۇز ۋە ئاچ قويۇپ، ھاكىنى دوغاپ قىلىپ بېرىپتۇ. ئۇنى ئىچكەنلەر شۇ ئورۇندىلا قېتىپ قاپتۇ. بۇلارنى مەنسەپدارلارغا كېسەل بولۇپ ئۆلدى دەپ مەلۇم قىلىپ كۆمدۈرۈۋېتىپتۇ.

يەنە كۇچار ئادەملىرىمۇ بۇنداق زىيادە ئالۋاڭ ـ ياساقلارغا تاقەت قىلالماي، نۇرغۇن ئادەمنى توپلاپ، مۇھەممەت ئەلى شەيخ، موللا مۇسا ئىماملار باشچىلىغىدا مەنسەپدارلارغا ئەرز سۇنۇپتۇ. مەنسەپدارلار ئاڭلىماي دېسە، بۇ ئەرزلەر ئەن ـ قائىدە بويىچە راست ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار پۇقرالارنىڭ دادى ئەھۋالىغا يەتكەن بولۇپ، چەكتىن چىقماسلىققا ۋەدە ـ ئەھدىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى پەسەيتتى. لېكىن، ئۇلار مەنسەپدارلارنىڭ پېئىل ـ ئەتۋارىغا قاراپ بېقىپ، خاتىرجەم بولالماي، مازارلاردا قونۇپ، نەزىر ـ چىراق، خەتمە قۇرئان ۋە زىكىر ئىبادەت قىلىشىپ، ”سوپىلار“ دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ تۇرغان بىر ھالەتتە، بەگلەر ”بىرنەچچە ئادەم ئۇلۇغ خانغا دۈشمەن بولۇپ، ئەمىر ـ ئىتائىتىدىن چىقىپ چېرىك ئەۋەتىپ ئالدۇرۇپ كېلىپ، مۇھەممەت ئەلى شەيخ، ئىبراھىم ئەرباپ بېگىكلەر باشلىق ئون نەچچە ئادەمنى بەدىنىنى تېنىدىن ئاجرىتىپ چاناپ ئۆلتۈردى. بىرنەچچىسىنىڭ پېيىنى كېسىپ ئىشتىن چىقاردى. ئىلىم كۆكبېشى، تەلەي كۆكبېشى، توختى كۆكبېشى باشلىق بىرنەچچە ئادەمگە ئېغىر زەنجىر ـ كىشەن سېلىپ، ئۇلارنى دېڭىزىغا (تۈرمىگە ـ ت) تاشلىدى.

يەنە باشقا شەھەرلەردىكى ئادەملەرمۇ ياركەنتتىكى خان ئامبانغا ۋە ئىلىدىكى جاڭجۈنگە بېرىپ ئەرز ـ داتلىرىنى سۇندى، ئۇلار بۇ ئەرزلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى ئۇلۇغلىرىغا قايتۇردى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئۇلۇغى ”سەن ماڭا ئەرز قىلماي، باشقا شەھەرنىڭ ئامبانىغا ئەرز قىلدىڭمۇ“ دەپ ئازاپ ـ ئوقۇبەت ۋە جەبىرى ـ زۇلۇم، ئىسكەنجە ـ سىقىملارغا مۇپتىلا قىلدى. پۇقرالارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئەرز ـ داتلىرىنى ئاڭلاپ بىلىپ، ئۇلارغا رەھىم ـ شەپقەت قىلىش بولسا، پۇقرالارغا باشچىلىق قىلىدىغان ئۇلۇغلارنىڭ بويىدىكى ۋەزىپىسى ۋە ھەتتا پەرىز ئىدى. لېكىن، ئۇلار مۇنداق قىلمىدى. ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمىدى، بەلكى ئۇلارنى يوق قىلدى. ئەگەر ئۇلۇغ خان بۇ ئەرزدارلارنىڭ راستىنى ئاڭلاپ بىلگەن بولسا ئىدى، خىتاي يەرلىك مەنسەپدارلار ئۆز مەنسىۋىدىن ئايرىلغاندىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ جان ـ تېنى ۋە مال ـ مۈلكىمۇ ئامان قۇتۇلماس ئىدى. چۈنكى، مەنسەپدارلار ئۆز مەنسىۋى، پۇل ۋە جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن، راست ئەرزنى يالغان ۋە يالغان ئەرزنى راست قىلىپ، ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇن ـ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىگە زامىن بولغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزى باشلاپ ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغىدىن چىقىپ، قەدىمدىن بۇيان كېلىۋاتقان داۋلى ۋە ئەن ـ قائىدىلىرىنى بۇزۇپ، ئەھدى ـ پەيمانلارنى يىرتىپ تاشلاپ، بەلگىلەنگەن مائاشقا قانائەت قىلماي، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، يەنە پۇقرالارنىڭ مال ـ مۈلكىگە قول ئۇزارتىپ، زۇلۇم ـ سىتەملەرنى زىيادە ھەددىدىن زىيادە ئېغىرلاشتۇردى. يەنە ئۇلار ئۆزىنىڭ نالايىق مەقسەت ۋە ھەرىكەتلىرىنى پۇقرالارغا تېڭىپ، ئۇلارنى تۆھمەت ۋە بۆھتانغا قويدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزى ياغى ۋە تاغى بولۇپ، ئۇلۇغ خاننىڭ قىلىچىغا ئۆزلىرىنى لايىق قىلدى. شۇڭلاشقا، پۇقرالار ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئۈستىدە ئۇلۇغ بولۇپ كەلگەن بۇ مەنسەپدارلارنىڭ بوينىغا تىغ تارتىپ سىنى تارتىنماستىن سالدى (خۇدا ئۇلارغا پانا بەردىگەي!). ھالبۇكى، غازات قىلغان بۇ ئادەملەرنى غازى ۋە شېھىت دېمەسلىككە يەنە قانداق سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداۋەندە كېرىم ئۆز ئىلىمى قەدىملىرى بىلەن ئۇلۇغ قىلىپ بەرگەن ۋە ئاللىق مەنسىۋى بىلەن يۇقىرى ئورۇن بەرگەن شانۇ ـ شەرىكەتلىك ئۇلۇغ پادىشالارغا ھەم ئۇلارغا تەئەللۇق نۆكەرلەرگە تىغ تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمىر ـ ئىتائىتىدىن چىقماقلىق بولسا، ھېچقانداق مەزھەپ ۋە مىللەت ـ قەۋمىلىرىنىڭ قائىدە ـ رەسمىيەتلىرىدە توغرا ۋە راۋا كۆرۈلمەيدۇ. ئالەمنىڭ مەخپىي سىرلىرى، ھەممە زۇلۇم ـ خورلۇقلىرى، مەخلۇقلىرىنىڭ يامان پېئىل ـ ئەتۋارى ھەم نالايىق شۇم نىيەتلىرىنى، پەقەت ئالەمنىڭ داناسى بولغان ئاللانىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ، (خۇدا بولسا ھەقىقەتنى ۋە ئىنچىكە سىرلارنى ھەممىدىن بەك بىلگۈچىدۇر).

سۆزنىڭ ھاسىلسى شۇكى، پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى ئۇلۇغلار پۇقرالارنىڭ ئەرز ـ داتلىرىنى ئاڭلىماي، بىپەرۋالىق قىلىپ، بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەت ـ مەرتىۋىگە شۈكۈرى قىلماستىن شۇملۇق قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ـ مەرتىۋىسىدىن ئاجراشقا، ھەتتا ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلەت ئابرويىغا نۇقسان يەتكۈزۈشكە سەۋەپ بولدى. پۇقرالار بۇنداق زۇلۇم ـ سىتەملەرگە چىداش بېرەلمەي، قۇدرەتلىك ھەقىقىي ئاللا يەنى ئۇلۇغ سۇلتان دەرگاھىغا تاۋاپ قىلىپ، كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، قاخشاپ يالۋۇرۇپ، ھەممىنىڭ ھالىنى بىلگۈچى بۈيۈك قۇدرەتلىك ئاللانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىن ئادەملەرنىڭ قېنىنى كېپىلەر ئىكەن دەپ تۇرغاندا، بۇ ناھەق ئۆتكەن ئادەملەرنىڭ قېنى ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ ئۆرلەپ، مەنسەپدارلارنىڭ پۇقرالارغا قىلغان زۇلۇم ـ جەبىرىسىنىڭ مۇكاپاتى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قايتتى. كۇچاردىكى تۇڭگانلار خۇددى ئاسماندىن بالا كەلگەن ۋە ئاللاھدىن قازا كەلگەندەك، بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ، كاپىرلارنىڭ بېشىغا تىغ تارتتى. مەزكۇر تەلەي كۆكبېشى قاتارلىق قىرىق نەچچە ئادەم دېڭىزىدا ياتقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان ئىدى. تۇڭگانلار دېڭىزنى چېقىپ، گۇناھكارلارنى ئاجرىتىپ ئالدى. تۇڭگانلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئىناق ـ ئىتتىپاق بولۇشۇپ، خىتايلارغا تىغ ئۇردى. بۇنىڭ ۋەقەسىنى كېيىنرەك سۆزلەيمىز (ئاللا سەۋەب قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر) ـــ ئىنشائاللا.

بۇنىڭغىچە ئون تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى. مەنسەپدارلار پۇقرالارنىڭ ھال ـ ئەھۋالىنى خانغا راستلىق بىلەن مەلۇم قىلدى، ئۇلۇغ خان پۇقرالارنىڭ گۇنايىغا ئەپۇ قەلەملىرىنى سۈرۈپ چېرىك ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يوقلىدى. لېكىن گۇنانى مەنسەپدارلارغا قويۇپ، بۇ مەنسەپدارلىرىم ۋە چېرىكلىرىم نەگە كەتتى ۋە نېمە بولدى دەپ سورىمىدى. مۇبادا بۇ ئەھۋالنى سورىغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا بۇ يەتتە شەھەردىكى يەتتە نەپەر چىڭ چەي (چىڭ چەي ـــ ت) ۋە بىر خان ئامباننىڭ ھەر بىرىسىنىڭ بىر شەھەر ئادەملىرىنىڭ خۇنىغا تەڭ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان بولار ئىدى. باشقا ۋاڭ، ھاكىم، مەنسەپدار، چېرىكلەرنىڭ خۇنلىرىغا يەنە نېمە قىلىش لازىملىغىنى خان ئۆزى بىلگەن بولار ئىدى.

ئەلقىسسە، فەغفۇرچىننىڭ دۆلىتىگە بۇزۇلۇش ۋە زەئىپلىك كېلىمەكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، بۇ چاغدا خانلىق نۆۋىتى شېنفۇڭ خانغا (136) يېتىپ، خاقانى چىننىڭ دۆلەت ئۈستۈنلۈگى ناھايىتى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەندى. پەھەلەگەر (137) ناھايىتى كۆپ شەھەرلەرنى ئىستىلا قىلىپ، تالان ـ تاراجلىق قىلىپ، ئىگىدارچىلىق قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن، جەن مۇزا دېگەن تايىپىلەر خانلىق تالاشتى، جەڭ ـ جىدەللەر كۆپەيدى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلار ئۆز ئىچىدىن خان كۆتۈرۈپ، ئەمىر ـ ئىتائىتىدىن چىقتى. يەنە ئەتراپىدىكى كىچىكلىككىنە خانلىق پادىشالىرى پادىشالىق دەۋاسىنى قىلىپ، خاقانغا باج ـ خىراجەت بېرىشنى توختاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولۇپ، خاقانى چىنغا يۈزلەندى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا بىر قانچە تۈمەن چېرىك لازىم ئىدى. ئۇلۇغ خاننىڭ بارلىق چېرىكلىرى ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرى شۇ تەرەپكە كەتكەن ئىدى. خاقانى چىن ئەھلى بۇ يەتتە شەھەردىن خەۋەر ئېلىشقا ۋە چېرىك ئەۋەتىشكە پۇرسەت تاپالمىدى. شۇڭلاشقا بۇ يەتتە شەھەر ئەھلى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ، ئۆز ئالدىغا خان كۆتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ھاكىم بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ پېئىل ـ ئەتۋارى ۋە خۇلق ـ مىجەزلىرىنى ئاشكارا قىلدى.

ئەمدى ئەسلى سۆزىمىزگە كېلەيلى. خىتاي چېرىگىنىڭ سەردارى ئاي جاڭجۈن (127) دېگەن ئىكەن. كۇچارلىق مىرزا ئوسمان بەيسى بېگىمنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مىرزا ئىسھاق بېك دېگەن ئادەم چېرىك باشلاپ كاشغەرگە بېرىپتۇ. بۇ جاھانگىرخان تۆرەنىڭ كېيىنىدىن قوغلاپ ئالاي دېگەن مەنزىلگە بارغاندا، تۆرەم نائىلاج بولۇپ ”ئەي ئىسھاق بېك، نائۈمىت بولماڭ، مېنى باغلاپ، خىتايلارنىڭ ئۇلۇغىغا ئېلىپ بېرىڭ“ دېگەندە، بېك ”ھەدەددىم ئەمەس“ دەپ ئۆزرە ـ خالىق ۋە ئېھتىرامدىن سۆز ئېچىپ، تەقسىر دەپ تۇرغاندا، جاھانگىر خان تۆرەم مۇبارەك رۇماللىرى بىلەن ئۆز قولىنى ئۆزى باغلاپ، ”ئەمدى ياغلىقنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئېلىپ بېرىڭ“ دېگەندە، بېك ئەمىر ئاللىلىرىغا بوي سۇنۇپ، جانابى خان تۆرەمنى خىتايلارنىڭ ئۇلۇغى ئالدىغا ئېلىپ بارغان ئىكەن. ئاي جاڭجۈن بولسا ”ئۇلۇغ خاننىڭ دۈشمىنىنى ئىسھاقبەك تۇتتى“ دەپ مەلۇم قىلىپ، ”ئەي ئىسھاقبەك، ئەمدى بۇ خوجانى ئۆزىڭىز بېيىجىڭغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ خانغا خىزمىتىڭىزنى مەلۇم قىلىپ يانغايسىز“ دەپ بىر قانچە ئادەم قوشۇپ بېيىجىڭغا ئەۋەتىپتۇ، بۇ جاھانگىر خان تۆرەمگە ناھايىتى ئىززەت ۋە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ياخشى سۆزلەر بىلەن بېيىجىڭغا ئېلىپ بېرىپتۇ، بەزىلەر خان بۇنى كۆرۈپ، سوراق قىلىپ شېھىت قىلدى دەيدۇ. بەزىلەر خان ئۇنى كۆرمىدى، بەلكى بىر مەخپىي جايغا قويغاندا، ئۆز ئەجىلى ـ تەبىئىتى بىلەن ئۆلدى دەيدۇ. مەسئۇلىيەت ئەلۋەتتە رىۋايەت قىلغۇچىدا بولىدۇ.

خاقان مەنسەپدارلىرى بۇ يەتتە شەھەردە تۆرەمگە يار بولغان ياكى تۆرەمنىڭ ئىشىنى تۇتۇپ خىزمەت قىلغان ئادەملەرنى ئىزدىشىپ تېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چارۋا مال ۋە زېمىنلىرىنى ئولجا قىلىپ، ئون مىڭدىن كۆپرەك خوتۇن ـ قىز ۋە ئوغۇل رىسىدە ـ نارىسىدە بالىلارنى ئولجا ـ ئەسىر قىلىپ، ئۇ تەرەپ لەنجۇ ئۆلكىسى، بۇ تەرەپ تىكىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھەر خىل سۆز پەيدا قىلىپ، ئۇلۇغ خاننى ئۆز ئارامىدا قويمىدى. تىنچلىق ۋە ئاراملىق ئۇلۇغ خاننىڭ مەملىكىتى ۋە پۇقرالىرىنىڭ بېشىدىن كۆتۈرۈلدى. خاقانى چىن بۇ تەرەپتىكى شەھەرلەرنى ”كۆبەي“ (كۆۋەي ـــ ئىچكىرىنىڭ تېشىدىكى تەرەپ ـــ ت) دەپ ئاتايدىكەن. كۆبەيدىن خەۋەر ئېلىشقا پۇرسەت بولمىدى. شۇڭلاشقا ئۇ: ”كۆبەيگە تەئەللۇق مەنسەپدار، چېرىكلەرگە مائاش ئەۋەتەلمەيمەن. نەچچە يىلدىن بۇيان غەزىنىدىن كۈمۈش ئەۋەتىپ، كۆبەيدىكى مەنسەپدار، چېرىكلەرنى باقتىم تولا غەزىنىلەرنى سەرپ قىلدىم. لېكىن كۆبەيدىن غەزىنىگە بىرەر نەرسە كەلمىدى. ئۇلار كۆبەينى تاشلاپ يېنىپ كەلسۇن“ دەپ يارلىق چۈشۈردى. لېكىن بۇ تەرەپتىكى خىتايلار ئۇلۇغى جاڭجۈن، خان، ئامبان ۋە مۇسۇلمانلار ئۇلۇغى مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىم باشلىق ھەممە ھاكىم ۋىلايەتلىلەر مەسلىھەت قىلىشىپ، ئۇلۇغ خانغا: ”بۇ شەھەرلەرگە غەزىنىدىن كۈمۈش ـ مائاش كەلمىسىمۇ، بىز بۇ شەھەرلەردىن كان تېپىپ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، قوغۇشۇن، تۆمۈر، گۈڭگۈرت قاتارلىق كانلارنى ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئېچىپ، ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرىنى باقالايىمىز. بىز بولساق ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، دۆلىتىنى كۆرۈپ كەلگەن ئىدۇق. يارلىققا بوي سۇنۇپ، بۇ يەرنى تاشلاپ كەتسەك، ئۇلۇغ خاننىڭ شان ـ شۆھرىتىگە مۇناسىپ ئىش بولماسمىكىن“ دېگەن مەزمۇندا بىر قانچە ماقۇل سۆزنى مۇندەرىجە قىلىپ ئەرز بەرگەن ئىكەن. بۇ ئەرز ئۇلۇغ خانغا ماقۇل چۈشۈپ، ئۇ ”ئەگەر ئانداق بولسا ئۆزۈڭلار كان تېپىپ، چېرىكلەرنى بېقىڭلار، ئوششاق پۇقرالارغا ۋابال بولىدىغان ئىشلارنى ئەسلا قىلماڭلار“ دەپ يارلىق ئەۋەتىپتۇ. يارلىقنى كۆرۈش بىلەنلا، مەنسەپدارلار تاغمۇ ـ تاغ، دەشتىمۇ ـ دەشت جەزىرىلەردە كان ئىزدەپ، پۇقرا خەلقنى ھاشار قىلىپ ھەممە تاغ ئېتەكلىرىنى گۇيا چاشقان ئۆڭكۈرىدەك ھۆتمۈ ـ تۆشۈك قىلىپ ئۆتتى، كانمۇ تاپالمىدى. تاپقاندىمۇ پۇقرالارغا جەبىرى ـ زۇلۇم كۆپ بولدى. مەنسەپدارلار ئۆز قولىدىن پۇل بەرمىدى. چىققان كانمۇ يوق بولۇپ كەتتى ۋە يەنە نەچچە تۈرلۈك باجنى پەيدا قىلدى. پۇقرالاردىن ئۆز پۇلى دېگەن بىر خىل پۇل ئالدى. يەنە پۇقرالاردىن ھەر ئايدا ئالىدىغان بىر خىل پۇل بولۇپ، بۇنى ”چوقا بېشى“ دەپ ئاتايتتى.

ئومۇمەن، پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئالۋاڭ ـ ياساقلار بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. ئاراملىق خۇددى ئەنقا قۇشىنىڭ تۇخۇمىدەك يوق بولدى. تىنچلىق بولسا خۇددى سۇمۇرغ قۇشىدەك كۆيىقاپنىڭ ئىچىدىن ۋەتەن تۇتتى. پۇلى بار ئادەملەر خىتايغا ۋە كاتتا بەگلەرگە پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە كىردى. يۇرتنىڭ ھەممە ئېغىرچىلىغى پۇلى يوق بىچارە، غېرىپ يېتىملارغا قالدى. ئۇلار بۇنىڭغا چىدىماي، يەر، سۇ، چاھار پاي ۋە ئەسۋابلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى خىتايلارغا كۆرۈگە قويۇپ، دەرگاھى ئىلاھىغا كۆز ياشلىرىنى تۆھپە قىلىپ، يىغا ـ زارىگە تولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەرقايسى شەھەردىكى چېرىكلەر داپ ـ دۇمباقلىرىنى كۆتۈرۈپ، مەنسەپدارلارنىڭ دەرۋازىلىرىغا كېلىپ ”بىزنىڭ بەش يىللىق مائاشىمىزنى (ئىش ھەققىمىزنى ـ ت) بەرسۇن، بولمىسا يۇرتلىرىمىزغا قايتىپ كېتىمىز ياكى مەنسەپدارلارنىڭ ئۆي ـ تەئەللۇقاتلىرىنى بۇلاپ ـ تالاپ ئالىمىز“ دەپ غەلۋە قىلىپ، ھېچ ئارام بەرمىدى. مەنسەپدارلار ئۆزىدىن غەم ـ ئەندىشە قىلىپ ”ھەرقانداق ئادەم چېرىكلەرگە كۈمۈش جىنلە (ھەدىيە ـ ت) قىلسا، ئۇنىڭغا مەنسەپ بېرىمىز“ دەپ بازار ـ كوچىلاردا ئېلان چاپلاپ، كۆسى خەت (گۇگىسى خەت ـ ت) تارقاتتى. بۇنى كۆرگەن بەزى پەس تەبىئەتلىك ئادەملەر مەنسەپنى تاما قىلىپ، پۇل بېرىپ، مەنسەپنى سېتىۋالدى ۋە پۇقرالارغا بولغان زۇلۇم ـ سىتەملىرىنى كۈچەيتكىلى تۇردى. ھەرقانداق جايىدىكى نامسىز ۋە نىشانسىز ئوغرى، قمارۋاز، سەرگەردان بولسىمۇ، پەقەت پۇللا بەرسە مەنسەپكە ئىگە بولالايتتى. بۇ تايىپىدىكى ئادەملەر بولسا پۇقرالارغا ۋابال بولىدىغان ئىشلارنى ھەتتا ئويلاپمۇ قويمايتتى. پۇقرالار خىتاي مەنسەپدارلىرىغا ئەرز بەرسە، ئۇلار چەتئەللىك پۇقرالارنىڭ ئەرزىنى ھاكىم بىلىدۇ دەپ تاشلاپ بەردى. ھاكىملار بولسا باقى قالغان زۇلۇم ـ جەۋرىلىرىنى ئۆزى خالىغانچە قىلالايتتى. بۇنى بىلگەن پۇقرالار بولسا قورقۇنچىدىن ئۇلارغا زادىلا ئەرز قىلالمايتتى. ھەتتا تۈڭچى ـ تىلماچلارمۇ دەللال تەرىقىدە بولۇپ، مەنسەپنى خۇددى ئال ـ ساتچىلاردەك ئاشكارا پۇلغا ساتىدىغان بولدى. نەتىجىدە ئەسلىدە ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن بۇيان ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، يۇرت سوراپ، ياخشىلىق قىلىپ كەلگەن بەگلەر ۋە بەگزادىلەر بولسا خاننىڭ يېڭى ئەمەلدارلىرى ۋە مەنسەپنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئالدىدا خار ۋە بىئېتىۋارسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

شۇنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۇرپانلىق ئەپىرىدۇن ۋاڭ بېگىم ياركەنتكە ھاكىم ئىدى، مۇھەممەت ئىمىن ۋاڭ بېگىم ئىشىك ئاغا ئىدى. بىر گۇنا بىلەن ئەپىرىدۇن ۋاڭ بېگىمنى بىكار قىلىپ، خوتەنلىك رۇستەم بېك دېگەندىن ئىككى مىڭ يامبۇ ئېلىپ، ئۇنى ياركەنتكە ھاكىم قىلدى. رۇستەم بېك بولسا مۇھەممەت ئىمىن ۋاڭ بېگىمنىڭ ئالدىدا ئىتنىڭ تىزگىنىنى يېتىلەپ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ خىزمەت قىلغان ۋە نەۋكەر مۇقامىدا ئىززەت ـ ئىكرامىنى قىلىپ، بۇنى ئۆزىگە پەخرى ـ ئىپتىخار دەپ بىلىپ كەلگەن ئادەم ئىدى. مۇھەممەت ئىمىن ۋاڭ بېگىم بۇنداق بىر ئادەمنى پۇل بەردى دەپ ۋاڭ كىشىنىڭ ئۈستىگە ھاكىم قىلىپ، ۋاڭ كىشىنى يەنىلا ئىشىك ئاغىلىق مەنسىۋىدە تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە قويغانلىغىنى ئار ۋە نومۇس بىلىپ، مۇنداق يۈرۈپ ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم مىڭ مەرتىۋە ياخشى دەپ، ئۆزىنى ھالاكەتكە يەتكۈزدى دەپ ھېكايە قىلىشىدۇ. يەنە كۇچارلىق مىرزا ئىسھاق ۋاڭ بېگىم ۋە مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىملەرگە نەۋكەر بولۇپ كەلگەن كۇچارلىق قۇتلۇق بېك قەشقەرگە ھاكىم بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى سەئىد بېك مىڭ بەش يۈز يامبۇ بېرىپ ئاقسۇغا ھاكىم بولدى.

شۇنداق قىلىپ، بۇرۇنقى بەگلەر بىكار بولدى. بىكار پۇقرالار بەگ بولدى، يۇرت ياخشى پازىللىرىنى كۆزگە ئىلمىدى. پۇقرالارنىڭ كۆز ياشلىرىدىن ھەرگىز ئېھتىيات قىلمىدى. ۋابال دېگەننى ئويلاپمۇ قويمىدى، مەنسەپ ئارزۇسى ۋە بەرگەن پۇل، كۈمۈشلىرىدىن باشقا غەم ئۇلارنىڭ دىلىغا زادىلا كەچمىدى. ئۇلار كۆرۈنۈشتە خانغا خىزمەت قىلىپ، چېرىكلىرىنى يېغىپ، يۇرتلىرىنى ساقلىدۇق دېگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇلۇغ خان ئىلكىدىكى دۆلەتنىڭ بىخ ـ نوتىلىرىنى كېسىپ قۇرۇشىغا سەۋەپ بولدى، ياخشى پازىللار ۋە بۇرۇنقى بەگزادىلەر بۆلۈك ـ پۇشقاغلارنى ئىختىيار قىلدى. ئاجىز پۇقرالارنى بولسا ئاتىنى بالغىغا، بالىنى ئاتىغا قوشماي ۋە ئۇلاشتۇرماي، ئالۋان ـ ياساققا ھەيدىدى. پۇقرالارنىڭ تاقەتلىرى تاق بولۇپ، جان ئاچچىغى ۋە پۇل ئاچچىغىدا ياراتقان ئاللانىڭ دەرگاھىدىن مەدەت تىلەپ، كۆزلىرىدىن تامچە ـ تامچە، ھەتتا دەريا ـ دەريا ياشلارنى ياققۇزدى. بۇ ئاچچىق ياشلار خاننىڭ دۆلەت دەرەخلىرىنىڭ يىلتىزىغا تەسىر قىلىپ، قۇرۇماقلىققا سەۋەپ بولدى. ئاز ئۆتمەي بارلىق خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ ھەممىسىلا يوق بولۇپ، يەر بىلەن يەكسەن بولدى. ھەزرەت مەۋلانا جالالىدىن رۇمى قۇددۇس سىررىھ (138) مۇنداق بىر ماقالا يازغان ئىدى:

ئادىلى مەردۇدا يەر بېرەر،

ھېچ مەردى رامۇدا رەۋانەگەرد.

دېمەك، بۇ ماقالا ئەنە شۇنداق ئىشلارنىڭ شاھىدىدۇر.

① تەرجىمىسى:

”خۇدانىڭ بىرەر بەندىسىنىڭ دىلى

رەنجىمىگىچە، خۇدا ھېچقانداق

بەندىسىنى رەسۋا قىلمايدۇ“.

بىر دىلى ئويغاق كىشىنىڭ سەھەردە تۇرۇپ قىلغان ئاھ ـ نالىسى بەلكى ئۇ قۇدرەتلىك ۋە ھىممەتلىك ئاللانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىپ، ئاللانىڭ ئىجابەتلىك دۆلىتىگە ئېرىشكەن بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا، ئۇ بۇ موغۇلىستان يۇرتلىرىنى نام ۋە نىشانسىزلارنىڭ قولىغا بەرمىگەن بولسا كېرەك. ئاللانىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسى بولغان خۇداۋەندە كېرىم ”كىمنى خالىسام ئەزىز قىلىمەن ۋە كىمنى خالىسام خار قىلىمەن“ دېگەن سۈپىتىنى ئاشكارا كۆرسەتتى. بۇ تىل رەڭلىك تەتۈر چۆگىلەيدىغان پەلەك چاقى بولسا ئۆزىنىڭ نەيرەڭۋازلىق ئويۇنلىرىنى ئويناپ، ھەر زاماندا بىر تايىپىنى پەس ۋە زەئىپ ۋە يەنە بىر تەبىقىنى يۇقىرى ۋە ئۈستۈن قىلىدۇ. ئەقىل ئىگىلىرى شۇنى بىلىشى لازىمكى، بۇ ئاجايىپ ئىشلاردىن تەجرىبە ئېلىپ، ھەممىگە بىر دەك سىناق نەزىرى بىلەن قاراپ، ئىبرەت ئېلىپ، زۇلۇم چەككەن ئاجىزلارنىڭ كۆز ياشلىرىدىن قەترە ـ قەترە قىلىپ، ئۇلارنىڭ دات ـ پەريادلىرىغا يېتىپ، بۇ ئۇلۇغ دۆلەت ۋە نېمەتلەرگە شۈكۈرى قىلىپ، ئادىللىق ئىشىگىنى ئاچسا، ئاللانىڭ ئۇلۇغ ئەجىرىگە ۋە خەلق ئالدىسىدا چىرايلىق نامغا ۋە ماختاشقا ئىگە بولالايدۇ. «ھەدىس شېرىپ»تە بىر سائەت ئادالەتلىك قىلغانلىق بولسا، ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن ئەۋزەلدۇر دەپ يېزىلغان. بۇ خىل دۆلەت ۋە ئىبادەتكە پەقەت پادىشالار، ھاكىمى ۋىلايەتلەر، دادخۇالار، ئەمىرى مەملىكەتلەر ۋە شەرىئەت قازىلىرىدىن باشقا ئىنسانىيەت تايىپىلىرى ئىگە بولالمايدۇ. ئەي ئىلاھىم! ئۆز كامالى قۇدرىتىڭ بىلەن ھەممە ھاكىم، دادخۇا، شەرىئەتپانا باشلىقلىرىغا، ئەمەلدارلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ، يۈزىگە ئادالەت ئىشىگىنى ئېچىپ، زۇلۇم ۋە جەۋرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئەتكەيسەن، ئامىن!

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.