6. تارىخىي ئىزاھاتلار ۋە خاتىمە
This content is not yet available in your language.
158 بەرزۇ - رۇستەمنىڭ (نەۋرىسى) بولۇپ، ئەسلى مەنىسى “ئۇرۇشقاڭ” ، “يەكمۇ - يەك جەڭچى” دېگەن مەنىدە. چۈنكى رۇستەم نۇرغۇن قېتىم مۇدھىش دېۋىلەر، يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە كۈچلۈك دۈشمەنلەر بىلەن يەكمۇ - يەك جەڭلەرنى قىلىشقان ئىكەن.
159 سۇدالويە — (135 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
160 داۋۇد خەلىپە — ئەسلى ئىسمى ئۆمەك ياكى تۆدەلىك بولۇپ، بۇرۇن گەنسۇ ئەتراپىدا پالچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. مىلادى 1864 - يىلى گەنسۇدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۈرۈمچى خۇيزۇلىرىنىڭ باشلىغى سۇخۇەنجاڭ، ماچۈەن، مابا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۈرۈمچى خۇيزۇلار قوزغىلىڭىنى قوزغاپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ خەلىپىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
161 بۇ كۆچۈرۈش جەريانىدىكى خاتالىق بولسا كېرەك. چۈنكى «تارىخى ھەمىدىيە»دە “ئىككى يۈزمىڭ ئۆيلۈكتىن زىيادە قىلادۇر” دەپ يېزىلغان.
162 قامۇل ۋاڭ خانلىرى — ئاپتور بۇ جايدا چىڭ سۇلالىلىرى تەرىپىدىن ئوتۇغات بېرىلگەن قۇمۇل ۋاڭلىرىدىن بەشىر ۋاڭنى كۆزدە تۇتسا كېرەك. قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ۋاڭلىق دەرىجىسى مىلادى 1690 - يىلى ئەبەيدۇللادىن باشلانغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تا ئىسھاق خوجا قۇمۇلغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ غۇپا بەگ ياكى گوپ بەگ (مىلادى 1707 — 1708 - يىلى)، ئىمىن خوجا (مىلادى 1708 — 1740 - يىلى)، يۈسۈپ (مىلادى 1740 — 1766 - يىلى)، ئىساق (مىلادى 1766 — 1780 - يىلى)، ئەردىشىر (مىلادى 1780 — 1813 - يىلى)، بەشىر (1813 — 1867 - يىلى) قاتارلىق جەمئى يەتتە ۋاڭ ئۆتكەن ئىدى. ئۇلاردىن كېيىن بولسا يېقىنقى زاماندىكى مەخمۇت، شامەخسۇت، نەزەر قاتارلىقلار.
163 دولانلار — “دولان” سۆزى “قۇل” ياكى “تېلەمچى” دېگەن مەنىدە بولۇپ، خان ۋە پادىشاھلارنىڭ ياكى ھاكىمى ۋىلايەت ياكى بەگلەرنىڭ يانچىلىرى، قۇللىرى، شۇنداقلا كاتتا خوجا ۋە ئىشانلارنىڭ يەر - زېمىنىنى تېرىيدىغان تېرىقچىلار ۋە مورىدىلار ئەنە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
164 سۇ يەنشەي — (135 - ئىزاھاتقا قارالسۇن.) لېكىن بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى بۇ چاغدا مۇھەممەت ياقۇپ بەگ (بەدۆلەت) تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە ھاكىم بەگ قىلىپ تەيىنلەنگەن كىشى سۇ خۇەنجاڭ (سۇيەيەنشەي — سۇ يۈەنشۈەي) بولماستىن، بەلكى ئۈرۈمچى خۇيزۇلىرىنىڭ باشلىغى ماجۈڭ، كېيىنچە ئۇنىڭ ئوغلى مارىندى ئىدى. سۇ خۇەنجاڭ بولسا مىلادى 1865 - يىلى ئۈرۈمچى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلىرى تۇرپاننى ئىگىلىگەندىن كېيىن كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان ئىدى.
165 دايەنشەي — ئاپتور بۇ جايدا ئۈرۈمچى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باش قوماندانى دايۈەنشۈەي ماشىڭ دېگەن ئادەمنى كۆزدە تۇتسا كېرەك. بۇ مىلادى 1868 - يىلى ئۈرۈمچى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باش خەلىپىسى داۋۇد خەلىپە (ئۆمەك) تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
166 «تارىخى زەفەرنامە» — بۇ جايدا مەۋلانا شەرەفىددىن ئەلىيەزىدى (115 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) تەرىپىدىن ھىجرى 824 - يىلى (مىلادى 1425 - يىلى) يېزىلغان «زەفەرنامە» ناملىق تارىخىي ئەسەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
167 ساچۇ — ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭ خۇاڭ ئەتراپى. مىلادى 4 - ئەسىرلەردىكى شەرقى جىن پادىشاھلىغى دەۋرىدە تىكلەنگەن بىر ئايماق بولۇپ، بۇ ئايماقنىڭ دائىرىسى بىر مەزگىل ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشى ۋىلايىتىدىن تۇرپانغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
168 بۇ شېئىرنىڭ مەزمۇنى “بۇ دۇنيانىڭ راھىتى بولسا دوستلىرىڭغا ياخشىلىق قىل، دۈشمەنلىرىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆت” دېگەندىن ئىبارەت.
169 قالمۇقىستان — ئەبۇلغازى باھادىرخان (مىلادى 1605 — 1664 - يىلى) تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى شەرجەرەئى تۈركى» قاتارلىق ئەسەرلەردە “قالماق” دېگەن نام تۈركى قەۋملىرىنىڭ بىر قەبىلىسىنىڭ نامى سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ موڭغۇل ئويرات قەبىلىلىرىنىڭ نامى بولۇپ، “قالمۇقىستان” (قالماقىستان) بولسا ئۇلارنىڭ تارالغان رايونلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك نامى. ئاپتور بۇ جايدا تىيانشان تاغلىرىنى چېگرا قىلغان شىمالىي شىنجاڭ رايونىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
170 خان ھەزرەت — بۇ جايدا مىلادى 1845 - يىلى بىر نەۋرە تۇقققنى سۇلتان مۇراتخاننىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان خۇدا يارخان ئىبنى شىرئەلى خان كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
171 مەلىخان — خۇدا يارخاننىڭ بىر تۇققان ئىنىسى بولۇپ، ئۆزۈن مۇددەتلىك رىقابەت نەتىجىسىدە، مىلادى 1858 - يىلى خۇدايارخاننى تەختتىن قوغلاپ ئۆزى خان بولغان. لېكىن مىلادى 1868 - يىلى قىرغىز قىپچاق قەبىلىسىنىڭ باشلىغى ئالىم قۇلنىڭ ياردىمى بىلەن ئىنىسى مەلىخاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ئىككىنچى قېتىم خانلىقنى ئىگىلىگەن.
172 گۆر ئوغلى — بۇ ئەسلىدە مىلادى 8 - ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئەرەپ باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشلىرىدىكى بىر قەھرىمان بولۇپ، كېيىنچە بۇ قەھرىماننىڭ پائالىيەتلىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلىدە ساغلىنىپ كەڭ تارقالغان. ھەتتا ئۇنىڭ مەزمۇنىغا بەزى دىنى، خۇراپى تۈسلەرمۇ ئارىلاشقان. «گۆر ئوغلى سۇلتان» ناملىق تۈركچە بىر شېئىرىي كىتاپ بار.
173 ئىمام جەئفەر سادىق — ئەئىممە ئىمامىيە (78 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) نىڭ 6 - ئىمامى بولۇپ، ئىمام مۇھەممەت باقىرنىڭ ئوغلى. ھىجرى 83 - يىلى (مىلادى 702 - يىلى) مەدىنە شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا دادىسىدىن تەپسىر ۋە ھەدىس قاتارلىق دىنىي ئەقىدىلەرنى چوڭقۇر ئۆگەنگەن. شۇنداقلا خىمىيە، ئالگېبىر ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگىنىپ “جەبىر” (جەئفەر) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇ قانائەت، تەقۋادارلىق ۋە ئەخلاقى جەھەتتە ئۆز دەۋرىنىڭ داناسى بولغانلىغى ئۈچۈن يەنە “سادىق” دېگەن نام بىلەنمۇ شۆھرەت قازانغان. ئابباسىيە سۇلالىسىنىڭ 2 - خەلىپىسى ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر (مىلادى 753 — 775 - يىلى)ئۇنىڭغا ناھايىتى ھۆرمەت قىلاتتى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئەبۇ مۇسلىم خوراسانى (49 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكىنى يوق قىلىپ، ئابباسىيە خەلىپىلىكىنى قۇرۇپ، تۇنجى خەلىپىلىكنى تەكلىپ قىلغان چاغدا، ئىمام جەئفەر سادىق قەتئىي رەت قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ جەمئى 7 ئوغۇل، 3 قىزى بولۇپ، چوڭ ئوغلى ئىسمائىل ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ۋاپات بولغان ئىدى. ئىككىنچى ئوغلى ئىمام مۇساكازىم ئۇنىڭ ئىماملىق ئورنىنى ئىگىلىگەن. ئىمام جەئفەر سادىق ھىجرى 148 - يىلى (مىلادى 765 - يىلى)مەدىنىدە ۋاپات بولۇپ، ئۆز دادىسىنىڭ قەبرىسى يېنىدا دەپنە قىلىنغان. لېكىن شىنجاڭدىكى تەرقەت ئەھلى ئۇنى شىنجاڭدىكى غازاتلاردا قۇربان بولغان دەپ ھېسابلاپ، ھازىرقى نىيە ناھىيەسىدىكى ئىمام جەئفەر سادىق مازىرىغا زىيارەت قىلىپ ئولوغلايدۇ.
174 ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكى — مىلادى 662 - يىلى ھەزرەت ئەلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەرەپ سۇلالىسى بولۇپ، مىلادى 750 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرەپ ئابباسىيە (64 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) سۇلالىسى قۇرۇلغان.
175 ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز . خەلىپە — ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكىنىڭ 8 - خەلىپىسى بولۇپ، مىلادى 718 - يىلى تەختكە چىقىپ، 720 - يىلى ۋاپات بولغان.
176 مىسىر — تامامەن مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋە ئىسلام قانۇنى — شەرىئەتلىرى تولۇق ئىجرا بولۇپ تۇرىدىغان تىنچ ۋە خەتەرسىز شەھەرلەر “مىسىر” دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق شەھەرلەردە جۈمە نامىزىنى ئوقۇغان كۈنى پېشىن نامىزىنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.
177 مەھدى ئاخىر زامان — ئەئىممە ئىمامىيە (12 ئىمام)لەرنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى ئەبۇلقاسىم مۇھەممەت ئىبنى ھەسەن ئەسكەرى. ھىجرى 259 - يىلى (مىلادى 875 - يىلى) باغداتتا دۇنياغا كەلگەن. بىر رىۋايەتتە دادىسى ئىمام ھەسەن ئەسكەرى ۋاپات بولۇپ 4 - يىلى (مىلادى 878 - يىلى)، يەنە بىر رىۋايەتتە مىلادى 892 - يىلى ئۈشۈمتۈت غايىپ بولغان، شۇڭلاشقا شىئە مەزھىبىنىڭ تەرەپتارلىرى تەرىپىدىن “مەھدى” (ئاخىرقى زاماننى قۇتقازغۇچى) دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۇ قانداقتۇر بىر زامان “مەھدى” سۈپىتىدە پەيدا بولۇپ، “دۇنيادىكى يامانلىقنى تۈگىتىپ”، “ئادىللىق ئورنىتىپ”، “تىنچ ۋە پاراۋان دۇنيا” قۇرىدىكەن. شۇڭلاشقا ئۇ “مەھدى ئاخىر زامان” دەپ ئاتالغان ئىكەن.
178 “توقسان” — تۈركى قەۋملىرىنىڭ تارىخى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى بايان قىلغان ئەسەرلەردە، بۇ سۆز بىر قانچە مەنىگە ئىگە:
بىرىنچى — بۇ سۆز ئۈچ بۈرجنى بىلدۈرىدىغان پەسىل چۈشەنچىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، قوزى (ھەمەل)، ئۆي (سەۋر)، ئارانىز (گېزەك ياكى جەۋزا) باھار پەسلىنى؛ قۇچۇق (تىمساق ياكى سەرەتان)، بارس (ئارىسلان ياكى ئەسەد)، بۇغداي بېشى (سۈنبۈلە) ياز پەسلىنى؛ ئۆلكۈ (تارازا ياكى مىزان)، چايان (ئەقرەپ)، يا (قەۋىس) — كۈز پەسلىنى؛ ئوغلاق (تېكە ياكى جەدى)، كۆنەك (سوغا ياكى دەلۋە)، بېلىق (ھۇت) قىش پەسلىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىككىنچى — بۇ سۆز خۇددى «تارىخى ھەمىدى»دە بايان قىلىنغاندەك، پۇقرالارنىڭ ئەمەلدار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ خان، پادىشاھلارغا سوغا - سالام تەقدىم قىلىدىغان پەسلىنى، بولۇپمۇ ئوغلاق، كۆنەك، بېلىق ئۈچ بۈرج ئايلىرىدىكى قىش پەسلىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى، بۇ سۆز يەنە تارتۇقنىڭ “توقسان” دېگەننى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تارتۇقنىڭ سانى “توقسان” بولماستىن، بەلكى “توققۇز” — توققۇز (سەككىزدىن بىر) بولىدۇ. بۇ “توقسان” دەپ تارتۇق قىلىنىدۇ.
179 رۇم — بۇ ئەسلىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 753 - يىلى تەختكە چىققان رىم ئىمپېراتورلىغىنىڭ تۇنجى ئىمپېراتورى رۇمۇلۇس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 714 - يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىر شەھەر بولۇپ، كېيىنچە پۈتۈن رىم (رۇما)ئىمپېراتورلىغىنىڭ دۆلەت نامى بولۇپ قالغان ئىدى. رۇما ئىمپېراتورلىغى پارچىلانغاندىن كېيىن، بەزىدە ئۇنىڭ غەربى تەرىپى، بەزىدە ئۇنىڭ شەرقى تەرىپىنىڭ نامى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 389 - يىلى ئەفرەڭلەر (ياۋروپالىقلار) ئۇنىڭ غەربى قىسمىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، “رۇم” سۆزى ئاساسەن ئۇنىڭ شەرقى قىسمىنى، ئاساسەن ھازىرقى ئاناتولى رايونلىرىنى مەركەز قىلغان ئاسىيا قىسمىنىڭ نامى بولۇپ قالدى. شۇڭلاشقا كېيىنكى تۈرك سەلجۇق سۇلالىسى ۋە ئوسمانىيە سۇلالىلىرىمۇ ئەرەپچە، پارىسچە، چاغاتايچە تارىخى ئەسەرلەردە “رۇم” دېگەن نام بىلەن ئاتالدى. ئاپتور بۇ جايدا ئوسمانىيە سۇلالىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
180 قۇستەنتىنىيە — تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئەڭ قەدىمقى نامى بولۇپ، بۇ شەھەرنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 668 - يىلى يۇنان مېغارە ھاكىمى بىزانسىس تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن “بىزانس” دەپ ئاتالغان. مىلادى 330 - يىلى رىم ئىمپېراتورى قونستانتىس تەرىپىدىن كېڭەيتىلىپ قۇرۇلۇپ “قۇستەنتىنىيە” دەپ نام بېرىلگەن. مىلادى 1453 - يىلى ئوسمانىيە سۇلالىسىنىڭ 7 - پادىشاھى سۇلتان مۇھەممەتخان سانى بۇ شەھەرنى بېسىۋېلىپ، “ئىستانبۇل” (لاتىنچە ئىس - تىن - پولىن — شەھەرچە) دېگەن نام بەرگەن. لېكىن “تارىخى ھەمىدى”نىڭ بۇ جايىدا ئۇنى سام ئىبنى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى قۇستەنتىن بىنا قىلغان دەپ يېزىلغان.
181 سۇلايمان شاھ قايى — ھىجرى 699 - يىلى (مىلادى 1299 — 1300 - يىلى) قۇرۇلغان ئوسمانىيە سۇلالىسىنىڭ تۇنجى سۇلتانى غازى ئوسمانخاننىڭ بوۋىسى بولۇپ، ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ (ھازىرقى ئاناتولى تۈركلىرىنىڭ) بىر قەبىلە باشلىغى بولۇپ، چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلغان چاغدا، ئۆز قەبىلىسىنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ، ئەفرات دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقان چاغدا سۇغا غەرق بولۇپ ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قەۋرىسى ھازىر بۇ جايدا “تۈرك مازار” دېگەن نام بىلەن مەشھۇر.
182 ئارتۇغرۇل بەگ — ئوتتۇرا ئاسىيا ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ بىر قەبىلە باشلىغى سۇلايمان شاھ قايىنىڭ ئوغلى. ئوسمانىيە سۇلالىسىنىڭ تۇنجى سۇلتانى غازى ئوسمانخاننىڭ دادىسى. ھىجرى 680 - يىلى (مىلادى 1281 - يىلى) ۋاپات بولغان.
183 سۇلتان ئالائىددىن سەلجۇقى — يەنى ئالائىددىن كەيقۇبادىساني ئىبنى فەرامەرزىبنى كەيكاۋۇس. ھىجرى 477 - يىلى (مىلادى 1084 — 1085 - يىلى) ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ باشلىغى تۇغرۇل بېگ (1063 - يىلى ۋاپات بولغان) ئەۋلادى سۇلايمان ئىبنى قۇتلىمىش ئىبنى ئىسرائىل ئىبنى سەلجۇق تەرىپىدىن قۇرۇلغان سەلجۇق سۇلالىسىنىڭ 15 - سۇلتانى. ھىجرى 699 - يىلى (مىلادى 1299 — 1300 - يىلى) ۋاپات بولغان. نەتىجىدە ئوسمانىيە سۇلالىسى سەلجۇق سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.
184 “ئوسمانىيە” (ئوسمانىيە) — بۇ ئەيىن، سىن، مىم، ئەلىف، نۇن، يا، يا، تە قاتارلىق 8 ھەرپتىن تۈزۈلگەن ئەبجەدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەدەدلىرى 686، يەنى ھىجرى 686 - يىلى (مىلادى 1287 — 1288 - يىلى) دېگەنلىك بولىدۇ. ئاپتور بۇ جايدا ئوسمانىيە سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى مۇشۇ يىلدىن ھېسابلايدۇ. لېكىن نۇرغۇن تارىخى مەلۇماتلاردا، ئوسمانىيە سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھىجرى 686 - يىلى بولماستىن، بەلكى ھىجرى 699 - يىلى (مىلادى 1299 — 1300 - يىلى) ئىكەنلىگى قەيت قىلىدۇ.
185 “بەلدەتەييىبە” (بەلىدە تەييىبە — گۈزەل شەھەر) — بۇ جەمئى 10 ھەرپتىن تۈزۈلگەن ئەبجەدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەدەدلىرى 867، يەنى ھىجرى 867 - يىلى (مىلادى 1463 - يىلى) بولىدۇ. بىراق ئەسلى قوليازمىدىكى يۇقۇرىقى ئەبجەدە ھەرپلىرىنىڭ ئاستىغا قىزىل سىيادا 857، (يەنى ھىجرى 857 - يىلى) دېگەن ئەدەد يېزىلغان. دېمەك، قوليازمىدا ئەبجەدە بىلەن ئەدەد ئوخشىمايدۇ. ئەگەر ئەدەدنى ئاساس قىلساق، بۇ “بەلدەتەييىبە” دېگەن سۆز بولماستىن بەلكى “بەلدە تەييىبە” (بەلىدە تەييىبە — پاكلانغان شەھەر، بوي سۇندۇرۇلغان شەھەر) دېگەن سۆز بولىدۇ. بۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ئەبجەدە ۋە ئەدەدلىرى (857) ئوخشاش بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، مۇھەممەتخان سانى ئىستانبۇل شەھىرىنى ھىجرى 857 - يىلى (مىلادى 1453 - يىلى) بوي سۇندۇرغان ئىكەن. بۇ يىلنامە بولسا تارىخى پاكىتلارغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.
186 سەلجۇقىيە — ھىجرى 429 - يىلى (مىلادى 1038 - يىلى) ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ باشلىغى تۇغرۇل بېگ ئىبنى مىكائىل ئىبنى سەلجۇق تەرىپىدىن قۇرۇلغان سەلجۇقىيان ئىران، ھىجرى 477 - يىلى (مىلادى 1084 - يىلى) سۇلايمان ئىبنى قۇتلىمىش ئىبنى ئىسرائىل ئىبنى سەلجۇق تەرىپىدىن قۇرۇلغان سەلجۇقىيان رۇم، ھىجرى 632 - يىلى (مىلادى 1235 - يىلى) قاۋۇرۇد ئىبنى چاغرى بەگ ئىبنى مىكائىل ئىبنى سەلجۇق تەرىپىدىن قۇرۇلغان سەلجۇقىيان كېرمان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىلا سەلجۇقىيە سۇلالىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
187 سامانىيە — مىلادى 874 - يىلى سامانىلار ئەۋلادى ئىسمائىل ئىبنى ئەخمەت سامانى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە مىلادى 999 - يىلى قاراخانىلار سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
188 خارەزىمشاھىيە — ھىجرى 491 - يىلى (مىلادى 1098 - يىلى) قۇتبىدىن مۇھەممەت ئىبنى ئانۇشتېكىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان دۆلەت بولۇپ، بۇ ھىجرى 617 - يىلى (مىلادى 1220 - يىلى) جالالىددىن ئىبنى قۇتبىدىن مۇھەممەتخان سانى دەۋرىدە چىڭگىزخاننىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن يوقالغەن. بەزىلەر ئۇنىڭ بىر تۇققانلىرىدىن بولغان غىياسىددىن ۋە رۇكىنىددىن شاھلار ھۆكۈم سۈرگەن ھىجرى 628 - يىلى (مىلادى 1231 - يىلى) غىچە بولغان ئارىلىقنىمۇ خارەزىم شاھىيە دەۋرى دەپ ھېسابلايدۇ.
189 چىغاتايىيە (چاغاتايىيە) — ئاپتور بۇ جايدا چىڭگىزخاننىڭ 2 - ئوغلى چاغاتايخان (مىلادى 1242 - يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى ھۆكۈمرانلىق قىلغان “چاغاتاي ئۇلۇسى” دەۋرىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ دەۋر بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادا (ماۋارائۇننەھرى رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى) چاغاتايخاننىڭ ئوغلى قاراھىلاكو مىلادى 1242 - يىلى سەمەرقەندە تەختكە چىققان ۋاقتىدىن مىلادى 1369 - يىلى ئەمىر تېمۇر كوراگانى (تېمۇرلەڭ) تەختكە چىققان ۋاقتىغىچە داۋاملاشقان. شىنجاڭ رايونىدا بولسا مىلادى 1227 - يىلى چاغاتايخان بېشبالىق (ھازىرقى جىمىسار تەۋەسىدە) شەھىرىدە تەختكە چىققان ۋاقتىدىن تا مىلادى 1682 - يىلى ئۇنىڭ ئەۋلادى ئىسمائىل خان تەختتىن چۈشكەن يىلىغىچە داۋاملاشقان. چاغاتاي ئەۋلادى شىنجاڭدا ھۆكۈم سۈرگەن بۇ 455 يىل ئىچىدە، مىلادى 1320 - يىلى ئۇنىڭ ئەۋلادى ئېسەن بۇقا (مىلادى 1330 - يىلى ۋاپات بولغان) ئالمىلىق شەھىرىدە “چاغاتاي خانلىغى”نى تىكلىگەن، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى كېيىنى - كېيىندىن موڭغۇلىستان (مىلادى 1348 — 1514 - يىلى)، يەكەن خانلىغى (1514 — 1682 - يىلى) قاتارلىق خانلىقلارنى قۇرغان ئىدى.
190 تېمۇرىيە — ئاپتور بۇ جايدا مىلادى 1369 - يىلى تۈركلەشكەن موڭغۇل بارلاس قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئەمىر تېمۇر كوراگانى تەرىپىدىن سەمەرقەندە قۇرۇلغان ۋە مىلادى 1510 - يىلى ئۆزبېك قەبىلىسىگە مەنسۇپ شەيبانى تەرىپىدىن قۇرۇلغان شەيبانى خانلىغىغىچە بولغان دەۋرنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ ئارىلىقتا بىر بىرىگە بوي سۇنمايدىغان بىر قانچە پادىشاھلىقلار مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە تېمۇر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىد تەرىپىدىن قۇرۇلغان خوراسان دۆلىتى (مىلادى 1468 — 1507 - يىلى) بار.
191 رۇم ئىبنى ئەيس ئىبنى ئىسھاق ئەلەيھىسسالام — رىۋايەتلەردە ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ ئوغلى ئەيسنىڭ ئوغلى. بەزى رىۋايەتلەردە رۇم شەھىرىنى (ئىستانبۇلنى) دەل مۇشۇ كىشى بىنا قىلغان دەپ بايان قىلىنىدۇ. ھازىرقى ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۆز نەسەپلىرىنى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامغا باغلايدۇ. بەزى رىۋايەتتە ئۇ مىلادىدىن 2108 يىل، بەزى رىۋايەتتە 2266 يىل، يەنە بەزى رىۋايەتتە 1896 يىل بۇرۇن ياشىغان دەپ بايان قىلىنىدۇ.
192 ئىقلىم — بۇرۇنقى مۇنەججىملەر پۈتۈن ئالەمنى سەكەنتىر (زۇھەل ياكى ساتورىن)، ئوڭاي، (مۇشتىرى ياكى يوپىتېر)، كورۇد (مىرىخ ياكى مارس)، يېشىق (قۇياش)، سەۋەت (زۆھرە، چولپان ياكى ۋېنىرا)، ئارزۇ (ئاتارىد ياكى مېركورى)، يالچىق (ئاي ياكى قەمەر) قاتارلىق ئاسماندىكى يەتتە سەييارىغا تەقلىت قىلىپ يەتتە ئىقلىمغا ھەم قوزى (ھەمەل)، ئۆي (سەۋر)، ئارانىز (گېزەك ياكى جەۋزا)، قۇچىق (سەرەتان)، بارس (ئارىسلان ياكى ئەسەد)، بۇغداي بېشى (سۈنبۈلە)، ئۆلكۈ (تارازا ياكى مىزان)، چايان (ئەقرەپ)، يا (قەۋىس)، ئوغلاق (تېكە ياكى جەدى)، كۆنەك (سوغا ياكى دەلۋە)، بېلىق (ھۇت) ئون ئىككى بۇرۇجغا (نۇقتىغا) بۆلگەن.
193 بۇرۇنقى مۇنەججىملەر ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە ئاسماندىكى يەتتە سەييارىدىن زۇھەل سەييارىسى بولسا بەخت يۇلتۇزى، مۇشتىرى سەييارىسىنى بولسا مەئىشەت يۇلتۇزى، مىرىخنى بولسا غەزەپ يۇلتۇزى، يېشىقنى بولسا يورۇقلۇق يۇلتۇزى، زۆھرەنى خۇشاللىق يۇلتۇزى، ئارزۇنى بولسا تىلەك يۇلتۇزى، يالچىق (ئاي) نى بولسا ئاشىق يۇلتۇزى دەپ ھېسابلىغان. ئاپتور بۇ جايدا 6 - ئىقلىمدىكى ئاتارىد (ئارزۇ) يۇلتۇزىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
194 مەلىكەئى فەرەڭ (فەرەڭ مەلىكىسى) — (137 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
195 فۇرسەت سائىپ — ئاپتور بۇ جايدا مىلادى 1870 - يىلى ۋە 1873 - يىلى ئىككى قېتىم قەشقەرگە كەلگەن ئىنگلىسىيە ئەلچىسى فۇرسەيتنى كۆزدە تۇتىدۇ.
196 رۇستەمى داستان — (157 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
197 سام — (سام ئىبنى يافەس ئىبنى نۇھ) قەدىمقى ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى ئىران قەھرىمانى رۇستەمنىڭ بوۋىسى.
198 نەريمان — قەدىمقى ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى ئىران قەھرىمانى رۇستەمنىڭ ئەجداتى ۋە سامنىڭ دادىسى. ئۆز ئەجداتلىرىدىن بۇيان ئىراننىڭ سېستان ۋە زابىلىستان ھاكىمى بولۇپ كەلگەن.
199 شى شى گۈڭ — ئاپتور بۇ جايدا ئەسلى ئۈرۈمچىلىك خەنزۇ ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولغان شۈي شۆگۈڭنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ مىلادى 1864 - يىلى ئۈرۈمچى خۇيزۇلار قوزغىلىڭى پارتلىغان چاغدا، ئۈرۈمچىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرىنى باشلاپ، نەنسەننى بازا قىلىپ، خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. كېيىنچە مۇھەممەت ياقۇپ بەگ (بەدۆلەت) بىلەن بىرلىشىپ، بۇ قوزغىلاڭنى رەھىمسىز باستۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ياقۇپبەگنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرىنى ماددى ئەشيالار بىلەن تەمىنلىگەن. ياقۇپ بەگ يوق قىلىنغاندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ سەرگەردىلىرىدىن بىرى بولۇپ كۆتۈرۈلگەن.
200 دەقيانۇس شەھىرى — بۇ جايدا ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئۇلانباي دېگەن جايدىكى قەدىمقى ئۈرۈمچى شەھىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردە بۇ شەھەر “رۇمچە” ، خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەردە “لۈنتەي” (轮台) دەپ ئاتالغان. بەزى ئەسەرلەردە بۇ شەھەر يەنە تۇرپاندىكى دەقيانۇس شەھىرىنىڭ نامىغا تەقلىت قىلىپ “دەقيانۇس شەھىرى” دەپمۇ ئاتالغان.
201 «دىۋان فۇزۇلى» — بۇ جايدا مۇھەممەت ئىبنى سۇلايمان فۇزۇلى تەرىپىدىن يېزىلغان «كۇللىيات فۇزۇلى» ناملىق ئەسەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. فۇزۇلى مىلادى 1563 - يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان.
202 داخۇ ۋە شۇخۇ — بۇ جايدا مىلادى 1862 - يىلى پارتلىغان شەنشى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باشلىغى بەيياڭخۇ ئاكا - ئۈكىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەيياڭخۇ مىلادى 1873 - يىلغىچە شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم شىددەتلىك جەڭلەرنى ئېلىپ بارغان. 1873 - يىلى 3 - ئايدا شىنجاڭغا چېكىنىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ زەربە بېرىشى تۈپەيلىدىن روسىيەگە قاچقان.
203 لەندەن — بۇ جايدا ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
204 بۈزۈر جەمھۈر — مىلادى 224 - يىلى ئەردىشىر بابكان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ 20 - پادىشاھى نۇشىرۋان ئىبنى قاباد (مىلادى 541 — 579 - يىللىرى تەختتە تۇرغان)نىڭ ۋەزىرى بولۇپ، ئۇ ئەقىل ۋە ھېكمەتتە ئۆز دەۋرىنىڭ داناسى ئىدى. ئۇ ھىندى تىلىدا يېزىلغان بىر مۇنچە كىتاپلارنى پەھلەۋى تىلىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ساسانىلار مەدەنىيىتىنىڭ شۆھرىتىنى ئالەمگە تارقاتقان. مىلادى 591 - يىلى ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ 21 - پادىشاھى ھۆرمۈز رابىئە ئىبنى نۇشىرۋان دەۋرىدە ۋاپات بولغان.
205 بەش پادىشاھە خان — بۇ جايدا مىلادى 1864 - يىلى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قوزغالغان پۈتۈن شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن كۇچاردىكى راشىدىن خان (خان خوجا)، قەشقەردىكى قىرغىز سىدىقبەگ، خوتەندىكى مۇپتى ھەبىبۇللاخان (ھاجى پادىشا)، ئۈرۈمچىدىكى داۋۇد خەلىپە (ئۆمەك)، غۇلجىدىكى ئىلى سۇلتانلىغى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
206 مىرزا سۇلتان ھۆسەيىن بايقارا — ئەمىر تېمۇر كوراگانى ئەۋلادى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خوراسان دۆلىتىنىڭ پادىشاھى، ئەلىشىر ناۋائىينىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ، مىلادى 1470 - يىلىدىن 1505 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
207 زۇڭتۇڭ داربىن — ئاپتورنىڭ بۇ جايدا كىمنى كۆزدە تۇتقانلىغى مەلۇم ئەمەس. بىراق ئۇ «تارىخى ھەمىدى»نىڭ بەزى جايلىرىدا ئۇنى لەنجۇ ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىسى دەپ بايان قىلىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولغان تەقدىردە، زۇڭتۇڭ داربىن دېگەن ئادەم بەلكى شۇ چاغدا شەنشى - گەنسۇ رايونىنىڭ باش ۋالىسى قوشۇمچە چىنچەي ئامبىلى زوزۇڭتاڭ بولسا كېرەك. لېكىن زوزۇڭتاڭ بۇ چاغدا شىنجاڭغا كەلمىگەن. بۇ چاغدا ئاقسۇغا كەلگەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىرى بولسا يۈئىن خۇ قاتارلىقلار ئىدى.
208 دۇڭ داربىن — ئاپتور بۇ جايدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ چاغدا شىنجاڭغا ئەۋەتكەن قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى ليۇجىنتاڭغا قاراشلىق دۇڭ فۇشياڭ دېگەن ھەربىي ئەمەلدارنى كۆزدە تۇتسا كېرەك.
209 «نەفھاتۇلئۇنىس» — ئىرانلىق ئاتاقلىق ئەدىپ ئابدۇلراخمان جامى (مىلادى 1493 - يىلى ھىراتتا ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن ئاتاقلىق ئەدىپ - شائىرلار، دىنى ئۆلىما ۋە خوجا ئىشانلارنىڭ تارىخى بايان قىلىنىدۇ.
210 قادىرىيە — (110 - ۋە 125 - ئىزاھاتلارغا قارالسۇن.)
211 چەشتىيە — مىلادى 10 - ئەسىردە سۈرىيەلىك ئەبۇج ئىسھاق شامى (مىلادى 940 - يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن خوراساننىڭ چەشتى دېگەن يېرىدە تۇرغۇزۇلغان بىر تەرقەتچىلىك مەسلىگى. مىلادى 12 - ئەسىردە خوراسانلىق مۇئىنىددىن چەشتى (مىلادى 1142 — 1236 - يىلى) تەرىپىدىن كېڭەيتىلىپ، “چەشتىيە” دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ئۆزۈن ئۆتمەي بۇ مەسلەك ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق جايلارغا تارالغان. مىلادى 19 - ئەسىردە شىنجاڭ رايونىغا تارالغان.
212 موللا ئىبراھىم قازى كالان — ياقۇپ بەگ (بەدۆلەت) زامانىدا ئۆتكەن خوتەن مۇتەۋەللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدىكى خوتەن ھاكىمى نىياز ھاكىم بەگنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىغى ئۈچۈن، ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. ھازىر خوتەندە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بار.
213 رەببانى — مىلادى 16 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھىندىستانلىق ئەھمەت فارۇقى سەرھەندى (214 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان تەرقەت سۈلۈكى بولۇپ، بۇلار ئۆزلىرىنى “ساپ ئېتىقاتچىلار” دەپ ھېسابلايدۇ. ئېتىقات جەھەتتىن نەقشىبەندىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ بولۇپ، سۈننى مەزھىبى بىلەن تەرقەت سۈلۈكىنى كېلىشتۈرمەكچى بولىدۇ. تارىخى ھىجرىيىنىڭ توپ - توغرا 1001 - يىلى تۇغۇلغانلىغى ئۈچۈن مۇجەدددى ئەلفە سانى (ئىككىنچى مىڭنى يېڭىلىغۇچى) دېيىلىدۇ.
214 ئەھمەت فارۇقى سەرھەندى — ھىندىستاندا كەڭ تارقالغان رەببانى ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، مىلادى 1546 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سەرھەندە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ياشلىق دەۋرىدە ھەدىس ۋە تەپسىر ئۆگىنىپ، چوڭقۇر دىنى بىلىمگە ئىگە بولغان ۋە چەشتىيە (211 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) ھەم مىلادى 12 - ئەسىردە باغداتلىق نەجىب سۆھرەۋەردى (مىلادى 1168 - يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان، ئۆمەر سۆھرەۋەردى (مىلادى 1145 — 1234 - يىلى) تەرىپىدىن رۇۋاجلاندۇرۇلغان سۆھرەۋەردىيە تەرقەت سۈلۈكىگە كىرگەن. كېيىنچە نەقشىبەندىيە سۈلۈكىگە كىرگەن. ۋە بۇ سۈلۈكنىڭ ھىندىستاندىكى ئاساسى پېشۋاسى سۈپىتىدە رەببانى سۈلۈكىنى تەشكىل قىلغان. شۇنداقلا “مۇجەدددى ئەلىف سانى” (ئىككى مىڭىنچى جەدىد) ۋە “قۇتبى غەۋس سەمەدانى” (مەڭگۈ قۇتۇپ ۋە غەۋس) دەپ ئاتالغان. بۈيۈك موڭغۇل سۇلالىسىنىڭ 4 - پادىشاھى سۇلايمانشاھ جاھانگىر دەۋرىدە (مىلادى 1603 — 1617 - يىلى) ۋاپات بولغان.
515 مىرزا ئابدۇلقادىر بېدىلى — ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان بارلاس قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئاتاقلىق شائىر بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئەزىم ئاباد شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆمىرىنىڭ كۆپ ۋاقتىنى بېنگال شەھىرىدە ئۆتكۈزۈپ، «رۇقائات بېدىلى»، «دىۋان بېدىلى»، «نىكات بېدىلى»، «چىھار ئۈنسۈر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. بىر مەزگىل بۈيۈك موڭغۇل سۇلالىسىنىڭ 11 - پادىشاھى شاھ جاھان سانى (مىلادى 1717 — 1718 - يىلى) ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. مىلادى 1721 - يىلى شاھ جاھان ئابات شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
216 بابۇرىيە — مىلادى 1497 - يىلى تېمۇرلەڭ ئەۋلادى زاھىرىددىن مۇھەممەت بابۇرىبنى مىرزا ئۆمەر شەيخ تەرىپىدىن قۇرۇلغان كۆچمەن سۇلالە بولۇپ، تارىختا “موڭغۇل سۇلالىسى” دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەم موڭغۇلىستاننىڭ 9 - پادىشاھى يۇنۇسخاننىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، “كوراگانلىق” مەنسىپىنى ئالغانلىغى ئۈچۈن “كوراگانى سۇلالىسى” دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ سۇلالە جەمئى 15 پادىشا ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، مىلادى 1767 - يىلى شاھ ئالەم سانى دەۋرىگە كەلگەندە يوقالغان.
217 جوراس — موڭغۇل ئويرات قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادى 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كۆچۈپ، مىلادى 1670 - يىلى غالدان رەھبەرلىگىدە كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەت قۇرغان. ئۇنىڭ پايتەختى ئىلى شەھىرى ئىدى. مىلادى 1755 - يىلى چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
218 كىيان پادىشاھلىرى — بۇ جايدا ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى كىيانىيان سۇلالىسىنىڭ كەيقۇباد، كەيكاۋۇس، كەيخىسرو، لىھراسىپ، كۆشتاسىپ، بەھمەن، ھامان (ھاماي)، داراپ، دارا، ئىسكەندەر قاتارلىق پادىشاھلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
219 تاجىك شاھلىرى — بۇ جايدا ئەرەپ ۋە پارىس ئۇلۇسىنىڭ شاھلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ (140 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
220 ئەلەۋىيلەر — ئىسلام دىنى شىئە مەزھىبىنىڭ بىر تارمىغى بولۇپ، يەنە “نۇشەيرىيلەر” دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇ مەسلەك مىلادى 9 - ئەسىردە ئەئىممە ئىمامىيەنىڭ ئونىنچىسى ئىمام ئەلى ھادى — نەقى (78 - ئىزاھاتقا قارالسۇن)نىڭ يېقىنى ئىبنى نۇسەيىر تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان بىر مەزھەپ بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىنى ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى كۆرۈنۈشى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنى مۇھەممەت پەيغەمبەردىن يۇقۇرى ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇلار ئەلى، مۇھەممەت پەيغەمبەر ۋە نۇسەيىرنى بىر دەك ئىلاھلاشتۇرىدۇ.
221 ئەبەيدۇللاخان غازى — مىلادى 1498 - يىلى شاھى بەك خان (شەيبانى خان) تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۆزبېك خانلىغى (شەيبانى خانلىغى) نىڭ 4 - پادىشاھى بولۇپ، مىلادى 1531 — 1539 - يىللىرى ئىچىدە ھۆكۈم سۈرگەن.
222 داۋگۇاڭ — بۇ جايدا مىلادى 1644 - يىلى قۇرۇلغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ 6 - پادىشاھى داۋگۇاڭ (چىڭ شۈەنزۇڭ) كۆزدە تۇتۇلسا كېرەك. ئۇ مىلادى 1821 - يىلى تەختكە چىقىپ، مىلادى 1850 - يىلى ۋاپات بولغان.
223 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى پادىشا داۋگۇاڭ 32 يىل ئەمەس، بەلكى 30 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى.
224 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى مىلادى 1644 - يىلى قۇرۇلغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ 7 - پادىشاھى شيەنفېڭ خان ئون ئىككى يىل ئەمەس. بەلكى 13 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى.
225 تۇڭجى خان — بۇ جايدا مىلادى 1644 - يىلى قۇرۇلغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ 8 - پادىشاھى تۇڭجى (چىڭ مۇزۇڭ) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ مىلادى 1862 - يىلىدىن 1874 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
226 يەتتە شەھەر تۇڭگانلىرى تۇڭجىنىڭ 7 - يىلى (مىلادى 1868 - يىلى) ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ 3 - يىلى (مىلادى 1864 - يىلى) قوزغىلاڭ كۆتەرگەن ئىدى.
227 گۇاڭشۈي — بۇ جايدا مىلادى 1644 - يىلى قۇرۇلغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ 9 - پادىشاھى گۇاڭشۈي (چىڭ دې زۇڭ) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ مىلادى 1875 - يىلىدىن 1908 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
228 بەرەھمەن — بۇ ئەسلىدە ئەنەتكەك (سانىسكرىت — ھىندى) تىلىدىكى “ساپ” دېگەن سۆز بولۇپ، مىلادىدىن 2 مىڭ يىل بۇرۇن ھىندىستاننىڭ غەربى شىمالىدا ياشايدىغان ئارىيانلار ئارىسىدا شەكىللەنگەن بىر دىنىي ئېقىم ئىدى. بۇ دىنىي ئېقىم دەسلەپتە ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئۆز ئەجداتلىرى، ئەجداتلىرى ئىچىدىكى قەھرىمانلار، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلار، قار، يامغۇر، چاقماق قاتارلىق ھادىسىلەرگە سەجدە قىلىدىغان بىر خىل باشلانغۇچ دىن ئىدى. شۇڭلاشقا، ئەرەپچە، پارىسچە ۋە چاغاتايچە ئەسەرلەردە، ھەر خىل دىنغا ياكى بىر خىل دىندىكى ھەر خىل ئىلاھلارغا ئېتىقات قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىلا “بەرەھمەن” دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. بەزى ئەسەرلەردە مىلادىدىن بۇرۇنقى 6 — 5 - ئەسىرلەردە شەكىيامۇنى (بەزىلەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 565 — 485 - يىلى، بەزىلەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 623 — 544 - يىلى دېسە، يەنە بەزىلەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 622 — 543 - يىللىرى ئارىلىغىدا ياشىغان دەيدۇ) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان بۇددا دىنى تەرەپتارلىرىنىمۇ “بەرەھمەن” دەپ ئاتىلىدۇ.
229 لى خۇڭ جاڭ — بۇ چاغدا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىكى مۇھىم ئەمەلدارلارنىڭ بىرى ۋە جىرلى (خېبېي) ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىسى ئىدى.
230 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا غەربىي رايوننى تىنچىتىش تەكلىپىنى قويغان كىشى لى خۇڭ جاڭ بولماستىن، بەلكى شەنشى - گەنسۇ رايونىنىڭ باش ۋالىسى، قوشۇمچە چىنچەي ئامبىلى زوزۇڭتاڭ ئىدى.
231 چىڭ جاڭجۈن — ئاپتور بۇ جايدا 1880 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ئىلى رايونىنى چارروسىيەدىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھەربىي ئەمەلدارى جىن شۈن كۆزدە تۇتۇلسا كېرەك. بىراق بۇ 40 مىڭ قوشۇن بىلەن ئەمەس، بەلكى 20 مىڭ قوشۇن بىلەن كەلگەن ئىدى. ئەمما چىڭ سۇلالىسى 1877 - يىلى شىنجاڭغا دەسلەپ قوشۇن ئەۋەتكەندە، چىڭ جاڭجۈن ناملىق بىرەر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ بولغانلىغى مەلۇم ئەمەس.
232 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى بۇ جايدا تىلغا ئېلىنغان “لەنجۇ - سېگنىڭ زۇڭتۇڭ داربىنى يىگىرمە مىڭ چىرىك بىلەن لوشەي داربىنغا قوشتى” دېگەن سۆز تارىخى مەلۇماتلارغا ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ جايدا تىلغا ئېلىنغان زۇڭتۇڭ داربىن (زوزۇڭتاڭ) لوشەي داربىنغا (ليۇجىنتاڭغا) قوشۇلغان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ھەربىي ئەمەلدار بولماستىن، بەلكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايونغا يۈرۈش قىلغان بارلىق قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى ئىدى.
233 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى داخۇ ۋە شۇخۇ (202 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) ماخالۇڭ (132 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) نىڭ باتۇرى بولماستىن، بەلكى شەنشى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. بۇلار گەنسۇ رايونىغا كېلىپ ئۇرۇش قىلغان چاغدا، ماخالۇڭ ئاللاقاچان ئۆلگەن ئىدى. 234 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى بۇ چاغدا (مىلادى 1875 - يىلى) زوزۇڭتاڭ گەنسۇنىڭ سۇجۇ دېگەن يېرىدە، جاڭ ياۋخۇ قۇمۇلدا، ليۇجىنتاڭ فۇكاڭ ۋە گۇچۇڭدا تۇراتتى.
235 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى “زۇڭتۇڭ داربىن” (زوزۇڭتاڭ) بۇ جايدا بايان قىلىنغاندەك مىلادى 1877 - يىلى شىنجاڭغا كەلگەن بولماي، بەلكى سۇجۇدا تۇراتتى. پەقەت 1880 - يىلىلا قۇمۇلدا ئىككى ئاي تۇرۇپ، ئاندىن ئوردىغا چاقىرتىلغان. ئۇ بۇ جايدا بايان قىلىنغاندەك قەشقەر تەرەپكە تېخىمۇ ئۆتمىگەن ئىدى.
236 لاۋيىڭ ئاۋچۇ — بۇ قايسى ھەربىي ئەمەلدارنىڭ نامى ئىكەنلىگى مەلۇم ئەمەس. تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ چاغدا ئۈچتۇرپان ئارقىلىق قەشقەرگە يۈرۈش قىلغان ھەربىي ئەمەلدار بولسا ليۇجىنتاڭغا قاراشلىق خۇاڭۋەن پىڭ دېگەن ئىدى.
237 ئەلىپ بەگ — بۇ ئەسلىدە سېرىق قول تاجىكلىرىنىڭ ھاكىم بېگى بولۇپ، مىلادى 1877 - يىلىدىن كېيىن ھېكىم خان تۆرە باشلىق بەدۆلەتنىڭ قالدۇق كۈچلىرى چېگرا ۋوقەسىنى پەيدا قىلىپ، يەتتە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ بەدۆلەت پادىشاھلىغىنى تىرىلدۈرمەكچى بولغان چاغدا، ئۇلار بىلەن ياتۇرلارچە كۈرەش قىلغان. كېيىنچە چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
238 سەففاھ — يەنى ھىجرى 132 - يىلى (مىلادى 749 — 750 - يىلى) ئەبۇمۇسلىم خوراسانى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەرەپ ئابباسىيە خەلىپىلىكىنىڭ تۇنجى خەلىپىسى ئەبۇ ئابباس سەففاھ ئابدۇللابىننى مۇھەممەت ئىبنى ئەلى ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى ئابباس. ھىجرى 136 - يىلى (مىلادى 753 — 754 - يىلى) غىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
239 ئۆمەر ئابدۇل ئەزىز — ھىجرى 41 - يىلى (مىلادى 662 - يىلى) مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەرەپ ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكىنىڭ 8 - خەلىپىسى بولۇپ، ھىجرى 99 - يىلى (مىلادى 717 — 718 - يىلى) تەختكە چىقىپ، ھىجرى 101 - يىلى (مىلادى 719 — 720 - يىلى) غىچە ھۆكۈم سۈرگەن (175 - ئىزاھاتقا قارالسۇن)
240 يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە — ئەرەپ ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكىنىڭ 2 - خەلىپىسى ھىجرى 60 - يىلى (مىلادى 679 — 680 - يىلى) دىن ھىجرى 64 - يىلى (مىلادى 683 — 684 - يىلى) غىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
241 ئابدۇمۈلۈك ئىبنى مەرۋان — ئەرەپ ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكىنىڭ 5 - خەلىپىسى، ھىجرى 65 - يىلى (مىلادى 684 — 685 - يىلى) دىن ھىجرى 86 - يىلى (مىلادى 705 - يىلى) غىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
242 ھىشام ئىبنى ئابدۇمۈلۈك — ئەرەپ ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكىنىڭ 10 - خەلىپىسى. ھىجرى 105 - يىلى (مىلادى 723 — 724 - يىلى) دىن ھىجرى 125 - يىلى (مىلادى 743 - يىلى) غىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
243 سۇلايمان ئىبنى ئەلى ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى ئابباس — ئەرەپ ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ تۇنجى خەلىپىسى ئەبۇ ئابباس سەففاھ ئابدۇللا ئىبنى مۇھەممەتنىڭ (238 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) تاغىسى.
244 بەسىرە — ئەرەپ ئۆمەۋىيە ۋە ئابباسىيە سۇلالىلىرىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئىراققا قارايدۇ.
245 مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇلمۈلۈك — (241 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
246 ئۆمەر ئىبنى يەزىد — (175 - ۋە 239 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
247 ئابدۇللا ئىبنى سۇلايمان — ئەرەپ ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكىنىڭ 7 - خەلىپىسى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمۈلۈك (مىلادى 715 — 718 - يىلى) نىڭ ئوغلى.
248 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى ھىجرى 1260 - يىلى (مىلادى 1844 - يىلى) شيەنفېڭ خان دەۋرى بولماستىن، بەلكى داۋگۇاڭ خاننىڭ 24 - يىلى ئىدى.
249 نۇشىرۋان ئادىل — مىلادى 224 - يىلى قۇرۇلغان ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ 20 - پادىشاھى بولۇپ، ئۇ تارىختا ئۆزىنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىگى بىلەن “نۇشىرۋان بۈيۈك” ۋە “نۇشىرۋان ئادىل” دېگەن ناملىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان. بۈزۈر جەمھۈر (204 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) ئۇنىڭ ۋەزىرى ئىدى.
250 چىنى ماچىن — بۇ جايدا خەنزۇ مىللىتىدىن چىققان خان ۋە پادىشاھلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
251 ئىسكەندەر رۇمى — بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى ئىسكەندەر رۇمى (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ياكى ئالىكساندىر ماكېدونىسكى) ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى پىشدادىيان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بولماستىن، بەلكى قەدىمقى ماكېدونىيە پادىشاھى بولۇپ، ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 356 - يىلى ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى پېللا شەھىرىدە دۇنياغا كېلىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 323 - يىلى 33 يېشىدا ۋاپات بولغان. پىشدا دىيان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى كىيومرىس ھوشەڭ، توھمارىس (تومرىس)، جەمشىد، زاھاك، فەرىدۇن، مونوچەھرە، نەۋزەر، ئەفراسىياپ، زاپ، كىرشاسىپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسكەندەر دېگەن بىر پادىشاھنىڭ بولغانلىغى مەلۇم ئەمەس.
252 ئۇيغۇر ۋىلايىتى — بۇ جايدا تۇرپان ۋە ئۇنىڭ جەنۇبى، غەربى جەنۇبىدىكى رايونلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى بۇ جايلار بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىغىنىڭ (54 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) زېمىنى ئىدى.
253 رۇمچە — چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان تارىخىي ئەسەرلەردە، قەدىمقى ئۈرۈمچىنىڭ نامى مۇشۇنداق يېزىلىدۇ (200 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
254 چۆچەك — ئەسلى قوليازمىدا “چۆگىلەر” دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ يەنە بىر ئەسىرى «تارىخى ئەمىنىيە»دە بولسا “چۆچەك” دەپ يېزىلغان. شۇڭلاشقا بۇ جايدا “چۆچەك” دەپ يازدۇق.
255 ئەبۇ نەسىر سامانى — (111 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
256 خوجا مۇھەممەت شېرىپ پىربۈزۈرۈكۋار — (119 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
257 ئىمام جەئفەر سادىق. رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — (173 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
258 ئىمام مۇھەممەت باقىر — ئەئىممە ئىمامىيە (12 ئىمام) نىڭ 5 - ئىمامى بولۇپ، ئىمام مۇھەممەت جەئفەر سادىقنىڭ (173 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) دادىسى. ھىجرى 57 - يىلى (مىلادى 676 - يىلى) مەدىنە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ياشلىغىدىن باشلاپ ناھايىتى بىلىملىك بىر زات بولۇپ يېتىشىپ، باشقىلارنىڭ زور ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۆمىرىنىڭ بىر قىسمىنى زىنداندا ئۆتكۈزۈپ، ھىجرى 113 - يىلى (مىلادى 731 - يىلى) ۋاپات بولغان ۋە مەدىنە شەھىرىدىكى بەقىئە قەۋرىستانلىغىدا دادىسى ئىمام زەينۇلئابىددىننىڭ يېنىدا ۋە ئەجدادى ئىمام ھەسەن ئىبنى ئەلىنىڭ يېنىدا دەپنە قىلىنغان.
259 ئىمام زەينۇلئابىددىن ئىبنى ئىمام ھۆسەيىن — ئەئىممە ئىمامىيە (12 ئىمام) نىڭ 4 - ئىمامى بولۇپ، ئىمام مۇھەممەت باقىرنىڭ (258 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) دادىسى. ھىجرى 46 - يىلى (مىلادى 666 - يىلى) دۇنياغا كەلگەن. 15 يېشىدا شام (سۈرىيە) گە كەلگەن. كېيىنچە يەنە مەدىنە شەھىرىگە قايتىپ زاھىتلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن. ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىلىرى ھەر دائىم ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلاتتى. ھىجرى 94 - يىلى زۇلھەججە ئېيىدا (مىلادى 713 - يىلى 8 - ئايدا) مەدىنە شەھىرىدە ۋاپات بولۇپ، بەقىئە قەۋرىستانلىغىدا تاغىسى ئىمام ھەسەننىڭ ئايغىدا دەپنە قىلىنغان.
260 سۇلتان مەھمۇت غەزنىۋى — يەنى سۇلتان مەھمۇت ئىبنى سەبۈكتېكىن غەزنىۋى. ھىجرى 357 - يىلى (مىلادى 968 - يىلى) غەزنە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ھىجرى 387 - يىلى (مىلادى 997 - يىلى) ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئېلان قىلىپ غەزنە سۇلالىسىنى تىكلىگەن. بىر مەزگىل غەربتە ئىراق، شەرقتە ماۋارائۇننەھرگىچە بولغان جايلارنى ئىگىلىگەن. ئۇ قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىلىك خان (مىلادى 992 — 1012 - يىلى) ۋە يۈسۈپ قادىرخان (مىلادى 1031 - يىلى ۋاپات بولغان) لار بىلەن بەزى جەڭ - جىدەللەرنىمۇ قىلىشقان. ھىجرى 421 - يىلى (مىلادى 1030 - يىلى) غەزنە شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
261 شەيخ جۇنەيىد باغدادى — مىلادى 820 - يىلى باغداتتا دۇنياغا كەلگەن. بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا شافى مەزھىبىنىڭ ئاساسچىسى ئىمام شافىدىن دەرس ئاڭلىغان ئىكەن. ياش ۋاقتىدا ھەر خىل ئىلىملەرنى پىششىق ئۆگىنىپ ناھايىتى شۆھرەت قازانغان. كېيىنچە سەھرى سەقەتىنىڭ (262 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) دالالىتى بىلەن سوپىلىق مەسلىگىنى قوبۇل قىلىپ، تەرقەتچىلەرنىڭ ئۇلۇغ پېشۋاسىغا ئايلانغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇ 30 قېتىم ھەج تاۋاپ قىلغان. مىلادى 911 - يىلى باغداتتا ۋاپات بولۇپ، ئۆز ئۇستازى سەھرى سەقەتىنىڭ ئايغىدا دەپنە قىلىنغان.
262 سەھرى سەقەتى — شەيخ جۇنەيىدى باغدادىنىڭ ئۇستازى بولۇپ، تەرقەتتە ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر پېشۋاسى ئىدى. ئۇ ئۆز ئۆمىرىدە ناھايىتى نۇرغۇن ئالىم ۋە مۇتەپەككۈرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ھەم تەرقەتنى ناھايىتى راۋاجلاندۇرغان ئىدى. رىۋايەتلەردە ھىجرى 251 - يىلى (مىلادى 865 - يىلى) ياكى 257 - يىلى (مىلادى 871 - يىلى) باغداتتا ۋاپات بولۇپ، شۇنىزى قەۋرىستانلىغىغا دەپنە قىلىنغان ئىكەن.
263 شەھىرى بەربەر — ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىدىكى ئەدەن قولتۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بىر شەھەر. بۇ شەھەر ئەسلىدە شىمالىي ئافرىقىدىكى (مىسىردىن باشقا رايونلاردا) بەربەر دېگەن جايدا ياشىغان بەربەر قەۋمىنىڭ بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن “بەربەر” دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. لېكىن «تەزكىرەئى سۇلتان قۇرمىش» دېگەن كىتاپتا ئۈچتۇرپاننىڭ قەدىمقى نامى “شەھىرى بەربەر” دەپ ئاتالغانلىغى بايان قىلىنغان.
264 ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمۈلۈك — ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكىنىڭ 6 - خەلىپىسى بولۇپ، ھىجرى 86 - يىلى (مىلادى 705 - يىلى) دىن ھىجرى 96 - يىلى (مىلادى 714 — 715 - يىلى) غىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
265 كىبىرىتى ئەھمەر — ئەرەپ خىمىيەگەرلىگىدە قەيت قىلىنغان بىر خىل قىزىل گۈڭگۈرت ماددىسى بولۇپ، ئۇنى ئېرىتىلگەن مىسقا سالسا، رەڭگى خۇددى ئالتۇن رەڭگىدەك بولۇپ ئۆزگىرىدۇ.
266 مەنسۇرخان زامانى — بۇ جايدا موڭغۇلىستان خانلىغىنىڭ 12 - سۇلتانى مەنسۇرخاننىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرى (مىلادى 1503 — 1543 - يىلى) كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
267 بۇ جايدا مىلادى 1765 - يىلى ئۈچتۇرپاندا كۆتۈرۈلگەن رەھمىتۇللا بەگ باشچىلىغىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
268 ئىمام مۇھەممەت غەززالى — يەنى ئەبۇ ھامىد مۇھەممەت ئىبنى مۇھەممەت ئىبنى ئەھمەت تۇسى. مىلادى 1059 - يىلى خوراساننىڭ تۇس شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ياشلىق چاغلىرىنى نىشاپۇردىكى جۇۋەينى (مىلادى 1028 — 1085 - يىلى) دىن ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. مىلادى 1085 - يىلى سەلجۇقىيە سۇلتانلىغىنىڭ ۋەزىرى نىزامۇلمۈلۈك (مىلادى 1030 — 1107 - يىلى) سارىيىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا كىرگەن. مىلادى 1091 - يىلى باغداتتىكى نىزامىيە مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان. مىلادى 1095 - يىلىدىن كېيىن مەككە، مەدىنە، قۇددۇس، ئىسكەندەرىيە قاتارلىق جايلارغا ساياھەت قىلىپ، كېيىنچە تەرقەت مەسلىگىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەشھۇر تەرقەت ئۆلىماسى بولۇپ يېتىشكەن ۋە تەرقەتچىلىك بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ “ئەنئەنىۋىچىلىرى” دەپ ئاتالغان سۈننى مەزھىبىنىڭ قاراشلىرىنى كېلىشتۈرۈش ئۈچۈن «تەھافۇتۇل فەلاسەفە» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئىسلام دۇنياسىدا “ھۆججەتۇل ئىسلام ۋەزەينىددىن” (ئىسلامنىڭ ھۆججىتى ۋە دىننىڭ پېشۋاسى) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. مىلادى 1111 - يىلى ئۆز يۇرتى تۇسىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قەۋرىسى بۇ جايدا چوڭ مازار زىيارەتگاھىدۇر.
269 ئەھمەت غەززالى — يەنى ئەبۇفۈتۈھ مەجىدىددىن ئەھمەت ئىبنى مۇھەممەت ئىبنى ئەھمەت. ئىمام مۇھەممەت غەززالىنىڭ (268 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) ئىنىسى ۋە مەسلىكدىشى. مىلادى 1126 - يىلى ئىراننىڭ قەزۋىن شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
270 ئەلىشىر يەزدانى — يەنى ئەبۇ يەزىد ئۆقەيبىل ئىبنى ئەبۇ تالىپ. ھەزرىتى ئەلىنىڭ چوڭ ئاكىسى. مىلادى 579 - يىلى مەدىنە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دادىسى ئەبۇتالىپ ۋە مۇھەممەت پەيغەمبەر بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان. لېكىن ئۇنىڭ شەھىرى بەربەر دېگەن جايدا غازات قىلغانلىغى ھەققىدە ماتېرىيال يوق. ئۇ مۇئاۋىيە (مىلادى 680 - يىلى ۋاپات بولغان) دەۋرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن.
271 ئەلى شىرى خۇدا — ھەزرىتى ئەلى ئىرانلىقلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ، ئەلەۋىيلەر ئىچىدە (220 - ئىزاھاتقا قارالسۇن)، يەنە “ئەلى شىرى خۇدا” دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تارىخى ماتېرىياللاردا ئۇنىڭ شەھىرى بەربەردە غازات قىلغانلىغى ھەققىدە ھېچقانداق ھۆججەت يوق. ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەن بىللە كېلىپ ئۈچتۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا جەڭ - غازات قىلغانلىغى بولسا تارىخقا ئۇيغۇن ئەمەس.
272 سۇلايمان ئەلەيھىسسالام — رىۋايەتلەردە قەدىمقى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىر رىۋايەتتە مىلادىدىن 1001 يىل بۇرۇن، يەنە بىر رىۋايەتتە 1016 يىل بۇرۇن ئىسرائىلىيە تەختىگە چىققان ئىكەن. بەيتۇل مۇقەددەس ۋە پايتەختى قۇددۇس شەھىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، نۇرغۇن چىرايلىق سارايلار ھەم تىجارەت دۇكانلىرىنى قۇرغان، سانائەت ۋە تىجارەتنى راۋاجلاندۇرغان، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ دائىرىسىنى شەرقتە ئەفرات دەرياسىغىچە كېڭەيتمەن ئىكەن. ئۇ 40 يىل ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، بىر رىۋايەتتە مىلادىدىن 962 يىل، يەنە بىر رىۋايەتتە 976 يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان ئىكەن.
273 شەيخ نىزامىدىن دىھلىۋى — يەنى شەيخ خوجا نىزامىدىن ئەۋلىيا ئىبنى خوجا مۇھەممەت. ئۇنىڭ ئەجدادى بۇخارالىق بولۇپ “دەھبىدى” دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. نىزامىدىن دىھلىۋى ھىجرى 633 - يىلى (مىلادى 1235 — 1236 - يىلى) ھىندىستاندا دۇنياغا كەلگەن. ئۆمىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇ جايدا ئىبادەت ۋە ئىستىقامەت بىلەن ئۆتكۈزگەن. ھىجرى 725 - يىلى (مىلادى 1325 - يىلى) دىھلى شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
274 ئىبراھىم ئەدھەم — يەنى ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم. ئەسلى بەلخلىك باي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۆزۈن مۇددەت تاغ ۋە غارلاردا يەككە سەجدە - ئىبادەت ۋە كارامەتلەرنى قىلىپ ئۆتكۈزگەن. كېيىنچە مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن شامغا بېرىپ سەجدە ئىستىقامەت بىلەن شۇغۇللانغان. ھىجرى 261 - يىلى (مىلادى 844 — 845 - يىلى) شۇ جايدا ۋاپات بولغان.
275 تەرسۇس — ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاناتولى يېرىم ئارىلىغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئادانا (ئادانا) شەھىرىدىن 38 كىلومېتىر غەربكە جايلاشقان بىر قەلئە بولۇپ، رىۋايەتلەردە قەدىمقى فىنىكىيەلىكلەر بىنا قىلغان ئىكەن. كېيىنچە ئاسۇرىيە، ئىرانلىقلار ۋە ماكېدونىيەلىكلەر ئۇنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئاۋات بىر شەھەرگە ئايلاندۇرغان. ئاندىن كېيىن رۇما ئىمپېرىيەسى ۋاقتىدا بۇ جايدا ناھايىتى مەشھۇر بىر مەدرىس سېلىنغان. ئابباسىيە خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى ھارۇن رەشىت (مىلادى 786 — 809 - يىلى) تەرسۇسنى ئىشغال قىلىپ، ئىسلام دىنىنى تارقاتقان. ئابباسىيە خەلىپىلىكىنىڭ 7 - خەلىپىسى خەلىپە مەئمۇن (مىلادى 814 — 833 - يىلى) بۇ جايدا ۋاپات بولۇپ دەپنە قىلىنغان. تەرسۇس شەھىرىنىڭ غەربى شىمالىدىكى بىر تاغدا “ئەسھابۇل كەھەفى غارى” بار. بۇ جاي ناھايىتى چوڭ زىيارەتگاھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
276 ئەدەن — ھازىرقى ئەرەب يەمەننىڭ جەنۇبى قىرغىغى ۋە ئەدەن قولتۇقىنىڭ ياقىسىغا جايلاشقان بىر شەھەر بولۇپ، زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى قۇملۇق ۋە ئېدىرلىق، سۈيى كەم جايلاردىن ئىبارەت. لېكىن ئاپتور بۇ جايدا ئەدەننى “ئافرىقا قىتئەسىدە” دەپ بايان قىلغان.
277 ئىسپاھان — ھازىرقى ئىراننىڭ بىر شەھىرى.
278 سۇلتان سەئىد باباخان باھادىر — مىلادى 1638 - يىلى تەختكە چىققان يەكەن خانلىغىنىڭ 9 - سۇلتانى ئابدۇللاخاننىڭ بىر تۇققان ئىنىسى. بۇ چاغدا باباخان تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى باشقۇرىدىغان قارانىدى سۇلتان ئىدى.
279 مۇسا ئىبنى ئەمران — رىۋايەتلەردىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى. ئىبراھىم ۋە ئىسھاق ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئەۋلادى. رىۋايەتلەردە ئۇ مىلادىدىن 1705 يىل بۇرۇن مىسىرنىڭ پايتەختى مۈنىف شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئانىسى يۇھابىس بىر ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر بوشۇككە بۆلەپ نىل دەرياسىغا تاشلىغان. بوشۇك مىسىر پادىشاھى پىرئەۋىننىڭ سارىيىدىن ئېقىپ كېتىۋاتقاندا، پىرئەۋىننىڭ قىزى سوفىيە ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتقازغان. كېيىن بۇ جايدا چوڭ بولغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا كەنئان (ھازىر ئىرانغا قاراشلىق) دېگەن جايغا كېلىپ ۋاپات بولغان ئىكەن.
280 داۋۇد — رىۋايەتلەردىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى. مىلادىدىن 1086 يىل ياكى 1071 يىل بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن. ئۆز ئۆمىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن. بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ ئاساسىنى ئورناتقان. مىلادىدىن 1016 يىل ياكى 1001 يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان ئىكەن.
281 زىكىرىيا — رىۋايەتتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەزرىتى يەھيانىڭ دادىسى. بەلەستىن ۋالىسى ھېرۇد يەھيانى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان چاغدا، ئوغلىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قەۋرىسى ھەلەپ (سۈرىيەگە قاراشلىق) دېگەن شەھەردە دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ.
282 ئىبنى ئەيىس — رىۋايەتلەردە ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ (283 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) ياقۇپ ئەلەيھىسسالام بىلەن كېزەك تۇغۇلغان ئوغلى. دەسلەپتە ئەنبىيالىق ئەيىسكە تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە ياقۇپ ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ئىدى.
283 ئىسھاق — رىۋايەتلەردىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ مىلادىدىن 2266 يىل ياكى 2107 يىل ۋە ياكى 1896 يىل بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن ئىكەن دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ.
284 ئىبراھىم — رىۋايەتلەردىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئەجدادى دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ. تارىختا ئۇ يەنە “ئىبراھىم خەلىلۇللا” ، “ئەبۇلجەمھۇر” دېگەن ناملىرى بىلەنمۇ ئاتالغان. چۈنكى “ئىبراھىم” سۆزى قەدىمقى ئەرەپ تىلىدا “ئىب” (ئاتا)، “رەھام” (جەمھۇر) دېگەن سۆزلەردىن تەركىپ تاپقان ئىكەن. ئۇنىڭدىن ھەزرەت ئىسھاق ۋە ھەزرەت ئىسمائىل دېگەن ئىككى ئوغۇل دۇنياغا كەلگەن ئىكەن.
285 ئابابەكىرى سىددىق — مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەرەپ خەلىپىلىكىنىڭ تۇنجى خەلىپىسى بولۇپ، مىلادى 632 — 634 - يىللىرى ئارىلىغىدا ھۆكۈم سۈرگەن.
286 ئۆمەر فارۇق — مۇھەممەت پەيغەمبەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەرەپ خەلىپىلىكىنىڭ 2 - خەلىپىسى، مىلادى 634 — 644 - يىلى ئارىلىغىدا ھۆكۈم سۈرگەن.
287 تۆت مەزھەپ — يەنى ئىسلام دىنىدە “ئەئىممەئى ئەربەئە” دەپ ئاتالغان سۈننى مەزھىبىنىڭ كۇفەلىك ئەبۇ ھەنىفە ئەلنۇئمان ئىبنى سابىت (مىلادى 699 — 767 - يىل) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان “ھەنەفىيە”، مەدىنىلىك مالىك ئىبنى ئەنناس (مىلادى 715 — 795 - يىلى) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان “مالىكىيە”، مەكىلىك (ئەسلىدە بەلەستىننىڭ غەززا شەھىرىدىن) مۇھەممەت ئىبنى ئىدرىس شافى (مىلادى 767 — 820 - يىلى) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان “شافىيە”، باغداتلىق ئەخمەت ئىبنى ھەنبەل (مىلادى 780 — 855 - يىلى) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان “ھەنبەلىيە” قاتارلىق تۆت مەزھەپ كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
288 «سەھىھۇل بۇخارى» — مۇھەممەت ئىبنى ئىسمائىل ئەلبۇخارى (مىلادى 810 — 870 - يىلى) تەرىپىدىن يېزىلغان ھەدىس كىتابى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى «جامىئۇل شەھىھ» بولۇپ، «سىھاھى سىتتە» (ئالتە پارچە ھەدىس) دەپ ئاتالغان ھەدىس كىتاپلىرىنىڭ ئىچىدە، بىرىنچىدە مۇكەممەل ۋە توغرا، شۇنداقلا «قۇرئان» دىن قالسىلا ناھايىتى ئىشەنچلىك كىتاپتۇر. شۇڭلاشقا ئۇ «سەھىھۇل مۇسلىم» (289 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) بىلەن قوشۇلۇپ “سەھىھەيىن” (ئىككى پارچە راس كىتاپ) دەپ ئاتىلىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇخارى 16 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئەرەپ خەلىپىلىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ساياھەت قىلىپ، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ 600 مىڭدىن ئارتۇق سۆزىنى توپلىغان ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر قەدەر ئىشەنچلىك دېگەن سۆزلىرىدىن 7 مىڭ 300 دىن ئارتۇق سۆزىنى تاللاپ (بەزىلەر 9 مىڭ 800 دىن ئارتۇق دەيدۇ)، 97 قىسىم (بەزىلەر 160 قىسىم دەيدۇ) 3 مىڭ 4 يۈز 50 سۆزلۈك كىتاپ يازغان. ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 2 مىڭ 6 يۈز 23 سۆزى ناھايىتى ئىشەنچلىك سۆز دەپ قارىلىدۇ.
289 «سەھىھۇل مۇسلىم» — خوراسانلىق مۇسلىم ئىبنى ئەلھەججاج (مىلادى 821 — 875 - يىلى) تەرىپىدىن يېزىلغان ھەدىس كىتابى بولۇپ، بۇ كىتاپ ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا تاماملانماي بەلكى، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى تەرىپىدىن تاماملانغان. بۇ كىتاپمۇ “سىھاھى سىتتە” (ئالتە پارچە ھەدىس) نىڭ بىرى بولۇپ، «سەھىھۇل بۇخارى» بىلەن قوشۇلۇپ “ئەل سەھىھ” دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ بۇ كىتاپنى توپلاش ئۈچۈن مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ 300 مىڭدىن ئارتۇق سۆزىنى توپلاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن 7 مىڭ 2 يۈزدىن ئارتۇغىنى تاللاپ بۇ ھەدىسنى يېزىپ چىققان. بۇ ھەدىس جەمئى 52 جىلد بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 4 مىڭدىن ئارتۇق سۆز (بەزىلەر 3 مىڭدىن ئارتۇق دەيدۇ) ناھايىتى ئىشەنچلىك دەپ ھېسابلىنىدۇ.
290 «شەرھى بەغەۋى» — ئەڭ دەسلەپكى “قۇرئان” تەپسىرچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەلبەغەۋى (مىلادى 1122 - يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن يېزىلغان “قۇرئان” شەرھى.
291 پىرئەۋىن — (23 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
292 نەمىرۇد — (24 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
293 ھامان — قەدىمقى ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى كىيانىيان سۇلالىسىنىڭ 7 - پادىشاھى بولۇپ، بەھمەن ئىسپەندىيارنىڭ قىزى. ئۇ غايىپتىن بولغان ئوغلى داراپنى ساندۇققا سېلىپ دەرياغا تاشلىغان. ئۇ بىر ئادەم تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ 30 ياشقا كىرگەندە، ھامان بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆز ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ، تەختى سەلتىنەتنى ئوغلى داراپقا تاپشۇرغان.
294 قارۇن — رىۋايەتلەردىكى بىر تارىخى شەخس بولۇپ، «تەۋرات»دا ئۇنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بايان قىلىنىدۇ.
295 ھەبىيار ئەللامە ئابدۇللا ئىبنى ئابباس — ئەرەپ ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ تۇنجى خەلىپىسى ئەبۇ ئابباس سەففاھنىڭ (238 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) نەۋرىسى. مەشھۇر ئىسلام ئۆلىماسى. ھىجرى 137 - يىلى (مىلادى 754 — 755 - يىلى) ۋاپات بولغان.
296 مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان — ئەرەپ ئۆمەۋىيە خەلىپىلىكىنىڭ (174 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) تۇنجى خەلىپىسى. مىلادى 600 - يىلى مەككە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. مىلادى 680 - يىلى دەمەشىقتە ۋاپات بولغان.
297 ھەبىبە ئىبنى مۇنبىھ — ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىدىن بىرى.
298 كەئبۇل ئەخبار — ئەبۇ ئىسھاق كەئەب ئىبنى مەنىھ. ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىدىن بىرى. خەلىپە ئۆمەر دەۋرىدە 32 يېشىدا ۋاپات بولغان.
299 ئىبنى ئەساكىر دەمەشىقى — يەنى پەخرىددىن ئەبۇ مەنسۇر ئابدۇلراخمان ئىبنى مۇھەممەت. مەشھۇر فۇقۇھا ۋە ھەدىس ئالىمى. ھىجرى 582 - يىلى (مىلادى 1186 - يىلى) دەمەشىقتە تۇغۇلۇپ ھىجرى 620 - يىلى (مىلادى 1223 - يىلى) ۋاپات بولغان.
300 ئىمام ئەبى جەئفەر تەبىرى — يەنى ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەت ئىبنى جەرىر. مىلادى 838 - يىلى تەۋرىستاننىڭ ئامۇل (ھازىر ئىرانغا قاراشلىق) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 7 يېشىدا “قۇرئان”نى ياد ئېلىپ تۈگەتكەن. ئىران، ئىراق، سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردا ساياھەت قىلىپ، ئاخىرىدا باغداتقا يەرلەشكەن. ئۇ يېتىشكەن فۇقۇھا، تەپسىر ۋە ھەدىس ئالىمى بولۇپ، ئۇ “تەپسىرى قۇرئان” دېگەن ئەسەرنى يازغاندىن باشقا يەنە «تارىخى تەبىرى» ناملىق ئەسەر يازغان. بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا، جۈملىدىن چاغاتاي تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ مىلادى 923 - يىلى ۋاپات بولغان.
301 ئىمام مەسئۇت ئىبنى ئەسىر — يەنى ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئەبۇلكەرەم، ھىجرى 555 - يىلى (مىلادى 1160 - يىلى) ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ ئىبنى ئۆمەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆز ھاياتىدا “تارىخى كامىل” ناملىق 12 توملۇق بىر ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ باشقا دىنى، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمۇ بار. ھىجرى 630 - يىلى مىلادى 1233 - يىلى مۇسۇل شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
302 ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانى — يەنى ئەبۇفازىل شاھابىددىن ئەھمەت ئىبنى ئەلى ھەجەر ئەسقەلانى. ھىجرى 773 - يىلى (مىلادى 1371—1372 - يىلى) مىسىردا تۇغۇلغان. ئۆز ئۆمىرىدە 150 دىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ ئىچىدە «فۇتۇھۇلبارى فى سەھىھۇل بۇخارى» ناملىق ئەسىرى ناھايىتى مەشھۇر. ھىجرى 852 - يىلى (مىلادى 1448 - يىلى) مىسىردا ۋاپات بولغان.
303 ئىمام قەستەلانى — يەنى ئىمام مۇھەممەت ئىبنى قەستەلانى. مىلادى 16 - ئەسىردىكى مەشھۇر مىسىر ئالىمى بولۇپ، ئۇ ئۆز ئۆمىرىدە «فۇتۇھۇلدانى»، «ئەلمەۋاھىبىيەت دىنىيە» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. ھىجرى 923 - يىلى (مىلادى 1517 - يىلى) مىسىردا ۋاپات بولغان.
304 ئىمام ئەينى — يەنى بەدىرىددىن مەھمۇت ئىبنى ئەھمەت ئىبنى مۇسا. مىلادى 15 - ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر مىسىر ئالىمى بولۇپ، ئۆز ئۆمىرىدە «تەبەقە توششۇئرا» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. ھىجرى 862 - يىلى (مىلادى 1458 - يىلى) مىسىردا ۋاپات بولغان.
305 ئىمام زەمەخشەرى — يەنى جارۇللا ئەبۇلقاسىم مەھمۇت بىننى ئۆمەر. ھىجرى 467 - يىلى (مىلادى 1074 — 1075 - يىلى) خارەزىمنىڭ زەمەخشەر دېگەن جايىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر تىلچىسى، ئەدەبىياتچىسى، شائىرى ۋە تارىخچىسى. ئۆز ئۆمرىدە «مۇقەددەمەتۇل ئەدەپ» «دىۋانۇششۇئەرا» قاتارلىق بىر مۇنچە مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. ھىجرى 538 - يىلى (مىلادى 1143 — 1144 - يىلى) جۇرجاڭدا ۋاپات بولغان.
306 ئىمام مۇھيىدىن — تەرىقەتچىلەر قادىرىيە سۈلۈكىنىڭ تەشكىلاتچىسى ئابدۇلقادىر جىلانى (غەۋسۇل ئەززەم مۇھيىدىددىن ئەبۇمۇھەممەت بىننى ئەبۇ سالىھ بىننى جەڭگى دوست جىلانى — گىلانى) نىڭ تەخەللۇسى. مىلادى 1077 - يىلى گىلان [ھازىر ئىرانغا قاراشلىق] شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. مىلادى 1127 - يىلىدىن باشلاپ “قۇرئان” ۋە “ھەدىس”تىن دەرس سۆزلىگەن. مىلادى 1166 - يىلى باغدادتا ۋاپات بولغان.
307 قازى بەيزاۋى — يەنى ئوبۇلخەيىر ناسىرىددىن ئابدۇللا بىننى ئۆمەرۇلقازى بەيزاۋى. ئىراننىڭ بەيزا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. شىراز شەھىرىدە قازى قۇززاتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بىر رىۋايەتتە ھىجرى 685 - يىلى (مىلادى 1286 - يىلى)، يەنە بىر رىۋايەتتە ھىجرى 691 - يىلى (مىلادى 1292 - يىلى) ئىراننىڭ تەبرىز شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
308 ئىبنى كەسىر — يەنى ئىمادىدىن ئىسمائىل بىننى مۇلۇك ئەفزەل ئەلى ئىبنى كەسىر. ھىجرى 672 - يىلى (مىلادى 1273 — 1274 - يىلى) دەمەشىقتە دۇنياغا كەلگەن. ئۆز ئۆمرىدە «تارىخى ئەبۇلفىدا» ناملىق 4 توملۇق مەشھۇر ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ يەنە جۇغراپىيە، تارىخ، تىبابەتچىلىك، دىن ھەققىدە يازغان بىر مۇنچە ئەسەرلىرى بار. ھىجرى 772 - يىلى (مىلادى 1370 - يىلى) ۋاپات بولغان.
309 ئىبنى خەتىپ — يەنى ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەت بىننى ئۆمەر فەخرىدىن رازى — ئىبنى خەتىپ. ھىجرى 544 - يىلى (مىلادى 1149 — 1150 - يىلى) ئىراننىڭ رەي شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە فىقھى، تەپسىر، ئەدەبىيات، ھېكمەت، تىبابەتچىلىك، ماتېماتىكا قاتارلىق ئىلىملەرنىڭ كامالەتلىك ئالىمى بولۇپ، “شەيخۇلئىسلام” دەپ شۆھرەت قازانغان. ھىجرى 606 - يىلى (مىلادى 1209 - 1210 - يىلى) ھېراتتا ۋاپات بولغان.
310 خازىن باغدادى — يەنى ئەبۇ فازىل ئەھمەت بىننى مۇھەممەت خازىن باغدادى. ھىجرى 451 - يىلى (مىلادى 1059 - يىلى) باغدادتا دۇنياغا كەلگەن. ئۆز ئۆمرىدە بىر مۇنچە ئاتاغلىق ئەدەبىي، دىنىي، تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان. ھىجرى 518 - يىلى (مىلادى 1124 - يىلى) باغدادتا ۋاپات بولغان.
311 ئەبۇللەيس سەمەرقەندى — يەنى ئىمام تولھەدى ناسىر بىننى مۇھەممەت. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە «تەنناۋازۇل» ناملىق بىر مۇنچە مەشھۇر كىتابلارنى يېزىپ، ھىجرى 373 - يىلى (مىلادى 983 — 984 - يىلى) سەمەرقەنتدە ۋاپات بولغان.
312 ئىمام قەزۋىنى — يەنى زىكىرىيا بىننى مۇھەممەت بىننى مەھمۇت. ئۇنىڭ بۇ جايدا تىلغا ئېلىنغان «ئاجايىبۇل مەخلۇقات ۋە ھاياتۇل ھايۋان» ناملىق ئەسىرى ھىجرى 764 - يىلى (مىلادى 1362 — 1363 - يىلى) يېزىلغان.
313 ئىمام پەخرىددىن رازى — (309 - ئىزاھاتقا قارالسۇن).
314 ئىمام مۇھەممەت ھەنىپە — مىلادى 699 - يىلى كۇفە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. سۈننى مەزھىبىگە مەنسۇپ ھەنەپىيە مەزھىبىنىڭ ئاساسچىسى، شۇڭلاشقا ئۇ “ئىمامى ئەززەم” دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان. مىلادى 767 - يىلى باغداد تۈرمىسىدە ۋاپات بولغان.
315 سۇجۇ — ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتى.
316 چىڭ دۇڭىڭ — ھازىرقى سىچۈەن ئۆلكىسى.
本书根据中国社会科学院民族研究所收藏的原手抄本整理出版。
بۇ كىتاب جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىدا ساقلانغان، موللا مۇسا سايرامى ئۆز قەلىمى بىلەن كۆچۈرۈپ چىققان نۇسخىسىغا ئاساسەن رەتلىنىپ نەشر قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر: غۇلام غوپۇرى
مەسئۇل كوررېكتور: ھەمراھاسىل
موللا مۇسا سايرامى
تارىخى ھەمىدى
شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرىنى يىغىش،
رەتلەش ۋە نەشر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ
باشچىلىغىدا نەشرگە تەييارلاندى
نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئەنۋەر بايتۇر
مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلدى
شىنجاڭ كىتابخانىسى تارقاتتى
مىللەتلەر باسما زاۋۇتىدا بېسىلدى
1986 - يىل 12 - ئايدا 1 - قېتىم نەشر قىلىندى
1986 - يىل 12 - ئايدا 1 - قېتىم بېسىلدى
باھاسى: 3.95 يۈەن
伊米德史
(维吾尔文)
毛拉•穆莎•莎依然米著
民族出版社出版新华书店发行
民族印刷厂印刷
开本:850×1168毫米1/32 印张:24 3/8
1986年12月第1版
1986年12月北京第1次印刷
印数:0001—7,300册 定价:3.95元
书号:M11049(4)27
