Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

3. ئەۋۋەلقى داستان: 1864-يىلدىكى خەلق قوزغىلاڭلىرى

This content is not yet available in your language.

گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، بۇ خۇش يۈرۈشلۈك قەلەم ئالى دەرىجىلىك خان، پادىشا ۋە ئېھتىرام ئىگىلىرىنىڭ تۈگىمەس ھىمايە ۋە نەسەپ مەرتىۋىلىرىنىڭ پايانسىز دەرياسىغا نەچچە قېتىم شۇڭغۇپ، يەنە ئۇنىڭدىن چىقىپ، مۇرات گۆھەرىنى مەقسەت ئالغىنىغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى تەھرىر يىپىغا تىزىپ، بايان قاتارىغا قويدى ۋە بۇ كىتابنىڭ مۇقەددەمە قىسمىنى تۈگىتىپ، خۇش يۈرۈشلۈك قەلەم تىزگىنىنى ئەسلى مەقسەت بولغان قىسسە ۋە داستان تەرەپكە تارتىپ، كەڭ مەيدان ۋە تېگىز جەۋلان ئۈستىدە ئات چاپتۇرغىلى ماڭدى. زامان خالايىقلىرىنىڭ دىل ئېيىنىدىن چىقىپ ئۇنتۇلۇپ يوق بولغان ۋە زامان ئوغلانلىرىنىڭ ئىسىدىن چىقىپ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە قۇشلارغىدەك ئۆچۈپ كەتكەن قىسسىلەر، يۈرەكتىكى سۆز ـ ئەپسانىلەر، بۇ قەلەم تېگىسنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ، جاھاننى كۆيدۈرەتتى.

شۇڭلاشقا، بۇلارنى توپلاپ ۋە رەتلەپ، بۇ ۋاراق بەتلىرىنىڭ قەلبىگە مەھكەم بېكىتىپ، ئۇلارنى كېيىنكىلەرگە نەمۇنە ۋە يادىكار قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، شەرھىنى باشلاشقا قەدەم قويۇپ قەلەم سۈردۈم. ئاللانىڭ پەزلىتى ۋە كەرىمى بىلەن سۆزۈمنى باشلايمەن. ئاللا بۇ ئىشىمغا مەدەتكارلىق قىلغۇچىدۇر.

1

مىننەتدارلىق، پەزىلەت، ئېھسان مۈلۈك ئىگىسى بولغان ئاللانىڭ پەزىل ـ ئىنايىتى بىلەن ئۇلۇغ ئىسلامنىڭ دۇنيانى يورۇتىدىغان ئاپتاۋى كۇچار شەھىرى ئۈستىگە چۈشۈشى، راشىدىن خوجامنىڭ ئۇلۇغ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇشى ۋە شەرق بىلەن غەربكە چېرىكلىرىنى لەشكەر ماڭدۇرۇشى ھەم بۇ ۋەقەلەر ئارىلىغىدا بولغان ئىشلار بايانى

غارايىپ قىسسىلەر، ئاجايىپ ھېكايىلەر ۋە دىلنى ئالدايدىغان چۆچەكلەر شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بۇ ئويۇنچى پەلەك ۋە ئىقلىمنىڭ چاقى، ھەر زاماندا ھامان تەتۈر چۆگىلەپ، تاماشا پەيدا قىلىپ، جاھاننى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىدۇ. ھەتتا بىر زاماندىمۇ ئاجايىپ تاماشالارنى باشلاپ، شانۇ ـ شەرىكەتلىك پادىشالارنىڭ دۆلەت ـ ھۆكۈمىتىنى پاراكەندە قىلىپ، پۇقرا ـ خالايىقنىڭ تىنچلىغىنى، جەمىيىتىنى بۇزىدۇ. بۇ ھال بولسا ۋاپاسىز نائەھلى ئالەمنىڭ ئەزەلدىن قىلىپ كەلگەن كونا ئادىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شۇنى ئاڭلىماق كېرەككى، ئۆزىنىڭ چەكسىز ۋە چوڭقۇر ھېكمىتى بىلەن ئون سەكسىز مىڭ ئالەمنى ياراتقان بۈيۈك سۇلتان ـــ ئاللانىڭ ئۆز پەزلى ۋە كەرىمى بىلەن ۋە مۇقەددەس ئەۋراھلارنىڭ مەدەت ـ ياردىمى ئاستىدا، بۇ يەتتە شەھەر قەدىمقى مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ قولىدىن تارتىلىپ، بىر يۈز ئون سەكسىز يىل مىقدارى خاقانى چىنغا تەۋە بولۇپ، خاقان ھۆكۈمىتى تەختى سەلەتەنىتى ئاستىدا ياشىدى. بۇ دەۋر بولسا، پۇقرالارنىڭ يۇرتدارلىق ئىشلىرىدىن خار ۋە زار بولۇپ، زالىم خىتاي ۋە بەگلىرىنىڭ زۇلۇم ـ جاپالىرى تۈپەيلىدىن بېشىنى تاشقا ئۇرۇپ، ئاللانىڭ دەرگاھىدىن مەدەت تىلەپ، يىغا ـ زارە قىلىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ نىجاتلىققا يېتىشى ۋە كاپىر زالىملارنىڭ خانىۋەيران بولۇشى ئۈچۈن دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلىپ تۇرغان بىر مەزگىلى ئىدى. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۇشتۇمتۇت ئاسماندىن بالا، خۇدادىن قازا كەلگەندەك بىر قانچە تۇڭگانى بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ، كۇچار شەھىرىدىكى ۋېيشاڭ بازارلىرىغا ئوت قويۇپ ۋە كۆزىگە كۆرۈنگەن كاپىرلارنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا يېڭى ھېسار ھاكىمىنىڭ ئوغلى ئاللا يار بېك بىر قانچە دەردىمەن مۇسۇلماننى باشلاپ، يار ۋە ھەمدەم بولۇپ، ھەممە يەكدىل ۋە بىر تەرەپ، بىر ئىتتىپاقتا بولغان ھالدا مەنسەپدار، ئامبانلارنىڭ يامۇللىرىغا ئوت قويۇپ، تاڭ ئاتقىچە تولا كاپىرلارنى يوق قىلدى. كۈن چىققاندىن كېيىن، مەنسەپدارلار چېرىكلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، جەڭگە كىرىشتى، لېكىن باراۋەرلىك قىلالماي يېڭىلىپ ۋە مەغلۇپ بولۇپ قاچتى. مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلدى. بۇ ۋەقە ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ ھىجرەت يىلىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى شەنبە كېچىسى، جەۋزا پەسلى ۋە يىلان يىلدا (مىلادى 1864 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى) يۈز بەرگەن ئىدى.

بۇ چاغدا ئەھمەت ۋاڭ بېگىم ياركەنت ھاكىملىغىدىن بىر گۇنا بىلەن بىكار قىلىنىپ، خاننىڭ يارلىغى بىلەن ئۆزىنىڭ نەسلى ۋەتىنى بولغان كۇچاردا يارلىق ساقلاپ تۇراتتى. تۇڭگانىلار ۋە مۇسۇلمانلار ئەھمەت ۋاڭ بېگىمگە ئىلتىجا قىلىپ: ”سىلە ئابايى ـ ئەجداتلىرىدىن تارتىپ يۇرت سوراپ كەلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەتدارلىق ئاساسىنى ۋە سىياسەتدارلىق رەۋىشىنى ئوبدان بىلىلا، شۇڭلاشقا، بىزدەك چوڭ ـ كىچىك مۇسۇلمانلارغا ئاتىدارلىق قىلىپ، ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ بېرىڭلار، بىز سىلىگە جان دىلىمىز بىلەن خىزمەتكار ۋە پەرمانچىلىق يولىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ھەممە مەمۇرىي مەملىكەتدارلىق ئىشلىرىدا سىلىنى مۇقەددەم ۋە پېشۋا بىلىپ، خان ماقامىدا كۆرسەك“ دەپ ئىلتىماس قىلدى. ئەھمەت ۋاڭ بېگىم ”سىزلەر ئاز ئادەم، خىتاي گۇرۇھى بولسا ناھايىتى تولا، بۇلارغا باراۋەرلىك قىلغىلى بولماس. مەن بولسام نەچچە ئاتا ۋە بوۋامدىن تارتىپ ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، چوڭ مەنسەپ تېپىپ، يەر، سۇ، زېمىن بەلكى نەچچە ئۆيلۈك ئادەم ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن ئۆمۈرچە جۈلدۈ ـ جاساقدارلىق بولغاندىن تاشقىرى، يەنە نەچچە نۆۋەت ئۇلۇغ خاننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. مەن ئۇلۇغ خانغا قانداق قىلىپ يامانلىق خالايىمەن؟ گەرچە ئۇ كاپىر ۋە دىنسىز بولسىمۇ، ئابايى ـ ئەجداتلىرىمدىن تارتىپ ئۇنىڭ تۇزىنى يەپ، دۆلىتىنى كۆرگەن ئىدىم. ئەمدى مەيلى قانداق بولسىمۇ ئۆز بەرگەن ئۇلۇغىمىزدىن يۈز ئۆرۈمەيمىز، ئۆز ھەققىنى ساقلاش بولسا ھەممە ئىنسان گۇرۇھىغا پەرز ۋە ۋاجىپ بولىدۇ. مەن سىزلەرنىڭ سۆزىڭىزلەرگە كىرىپ ئۇلۇغ بولۇپ ئۆزەمنى ھالاكەتكە تاشلىمايمەن. كىمنى ئىختىيار قىلىپ باشلىق قىلىمەن دېسەڭلەر، شۇنى قىلىڭلار. ھازىر يېشىم يەتمىشكە يەتتى. كۆرىدىغان دۆلەت ۋە ئىززەتنى كۆرۈپ بولدۇم. ئەمدى مەندە بۇنداق ئارزۇ ۋە ھەۋەس قالمىدى“ دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ چاغدا پۇقرالار بىر ئىتتىپاق، بىر نىيەتتە بولۇپ، بىردەمكىلا يۈزىنى ئۆرۈپ ”ھېلىمۇ خىتايلىرىڭىزدىن ئۈمىدىڭىز بارمۇ“ دەپ چوقان كۆتۈرۈپ، ئوردىسىدىن ئېلىپ چىقىپ شاھادەتلىككە يەتكۈزدى.

بۇ چاغدا كۇچار خوجىلىرىدىن راشىدىن خوجام دېگەن مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلىنىڭ مازىرىدا دۇئا ـ تەلەپ بىلەن ياتقان، ھېچ كىشىگە ئارىلاشمايدىغان ۋە دەرۋىش تەرىقىسىدە ئۆمۈر ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر ئادەم بار ئىدى. ھەممە مۇسۇلمان گۇرۇھى ۋە تۇڭگانى تايىپىلىرى ئۇنىڭغا مۇرىت ـ مۇخلىس بولۇپ، بۇ ئادەمگە باش ئەگكەنتى. مەزكۇر ئادەمنى ئىبادەتخانىدىن ئىختىيارسىز ئېلىپ چىقىپ، ”سىلە بىزگە بۇرۇنمۇ پېشۋا ۋە يولباشچى ئىدىلە. ئەمدىمۇ بىزگە پېشۋا ۋە يولباشچى بولۇپ، خانلىق ئورنىدا ئولتۇرۇپ، بىزگە باش بولۇپ، ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ بەرسىلە“ دەپ، ئۇنىڭ خالىغان ياكى خالىمىغانلىغىغا قارىماي، ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، بۇرۇنقى سۇلتانلىق قائىدىسى بويىچە خانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزدى. توختى ئىشىك ئاغا بېكىنى ۋەزىر قىلىپ تەيىنلىدى. ھەممىسى بىر نىيەت بىلەن كۇچار ھاكىمى قۇربان بېك باشلىق سەكسىز نەپەر بەگنى ئۆلتۈرۈپ، تەئەللۇق مال ـ مۈلكىنى تالان قىلدى. نەتىجىدە باشقا مەنسەپدارلارمۇ قورقۇنچ ۋە تىترىك ـ دەھشەتكە چۈشۈپ، مەزكۇر خان راشىدىن خوجامنىڭ ئەمىر ـ ئىتائىتىگە تەۋە بولۇپ، بۇيرۇغىغا بوي سۇنۇپ باش ئەگدى. ئەگەر بۇ مەنسەپدارلار بۇرۇندىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كەلگەن لاۋايىن قائىدىلىرى ۋە ئەھدى ـ پەيمانلىرىنى بۇزۇپ، ئۆزىنى مۇنداق ھالاكەتكە ۋە پالاكەتكە تاشلىمىغان بولسا ئىدى (ئاللا ئۇلارنى ساقلىغاي!)، ئۇ چاغدا، ئېھتىمال پۇقرالارنىڭ بۇنداق يېغى ۋە تېغى بولۇپ بۇزۇلمايتتى ھەم غازىلىققىمۇ مۇيەسسەر بولالمايتتى. (ئاللا ھەممە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئوبدانراق بىلگۈچىدۇر).

بۇ ۋەقەدىن ئىككى كۈن كېيىن بۇرھانىدىن خوجامنى يەنى مەشھۇر ئىسىملىرى خېتىپ خوجامنى ئەمىر لەشكەر تەرىقىسىدە باش قىلىپ، كىچىك ئوغلى مەھمۇدىن خوجامنى ھەمرا قىلىپ، موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى قازى ئەسكەر قىلىپ، بىر يۈز ئەللىك لەشكەر، ئون سەكسىز تۇڭگانىنى ئون زەمبىرەك بىلەن غەرب تەرەپكە يولغا سالدى ۋە ئۇلارغا: ”نەچچە ئەسىر ئۆتتى، مۇسۇلمانلار دىنسىز كاپىرلارنىڭ ۋە زالىم زۇلۇمخورلارنىڭ ئىلكىدە خار ۋە بىئېتىۋارسىز بولۇپ، خىزمەتكارچىلىق قىلىپ، بوينىنى تۆۋەن قىلىپ پەس ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالىلىرىدىن ئايرىلىپ، بالا ـ پەرزەنتلىرى ئاتا ـ ئانىسىدىن جۇدا بولۇپ، ئاجىز ۋە بىچارىلىق بىلەن نە يېمەكتە لەززەت ۋە نە كىيىمەكتە راھەت كۆرمەي، ئالابەتكەچىلىك قىلىپ ئۆمۈر ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئەمدى ھەمىشە رەھىمدىل ۋە مەرھەمەتلىك خۇداۋەندە كېرىم بىز مۇسۇلمانلارغا يار ۋە ھەمدەم بولۇپ، بىزگە كۈچ ـ قۇدرەت بەردى. كاپىرلارنىڭ بېشىغا ئىسلام قىلىچىنى ئايىماي ئۇردۇق. ئەمدى بۇنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن جان تېنىمىزدە بولسىلا، سىزلەر ۋە بىزلىرى ئۇنى غازات يولىغا سەرپ قىلىشىمىز ھەممىدىن مۇھىمدۇر، ئۇلۇغ غازات قىلىش بولسا ھەممىگە پەرز بولۇپ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەسىپ ۋە ھۈنەرلىرى ھەتتا مۇھىم سۈننەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇداۋەندە كېرىم ئۆزىنىڭ چۇڭقۇر سىرلىق ھېكمىتى بىلەن بۇرۇن مۇسۇلمانلارنى كاپىرلارنىڭ قول ئاستىدا قىلغان بولسا، ئەمدى ئۆزىنىڭ كامىل قۇدرىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئەزىز ۋە ئېتىۋار قىلىپ، كاپىرلارنى خار ۋە تۆۋەن قىلدى. ئۇ كىمنى خالىسا ئەزىزلەيدۇ، كىمنى خالىسا خار قىلالايدۇ دېگەن سۈپىتىنى كۆرسەتتى. سۆزنىڭ ھاسىلسى شۇكى، سىزلەر باي ۋە سايرامنى تەۋە قىلىپ، بۇ جايدىن بىر مۇنچە ئەسكەر ئېلىپ ئاقسۇغا بېرىڭلار. ئۇ تەرەپتە مۇسۇلمان تولا، كاپىر ئاز. سىزلەر بارغىچە تۇڭگانى ۋە مۇسۇلمانلار كاپىرلارنى يوق قىلىپ، ئالدىڭلارغا چىقىشى مۇمكىن. مۇبادا كاپىرلار ھۇجۇم قىلىپ، جەڭ ـ جىدەلگە تەييار بولسا، ئاللانىڭ: ”كاپىرلارنى قەيەردە كۆرسەڭلەر ئۆلتۈرۈپ، ھەممىسىنى يوق قىلىڭلار“ دېگەن ئۇلۇغ ئەمىرى بويىچە، ھايال قىلماي ۋە ئايىماستىن كاپىرلارغا تىغ ئۇرۇڭلار. پەيغەمبەرنىڭ «ھەدىس» شېرىپتە كۆرسەتكەن ”جەننەت قىلىچ سايىسىنىڭ تېگىدە“ دېگەن سۆزىدىن ۋاقىپ ۋە ئاگاھ بولۇڭلار. ئاقسۇ، قەشقەر، ياركەنت ئىشلىرىدىن بىكار بولغاندىن كېيىن، قوقەنت، بۇخارا ئۇلۇغلىرى ئاشناچىلىق قائىدىسىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئىناۋەت قىلىپ باش ئېگىشىنى ئۆزلىرىگە لازىم ۋە راۋا كۆرسە، ئىش تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر بۇنى لايىق كۆرمەي باش ئەگمەي، توسقۇنلۇق قىلىدىغان بولسا سىزلەرگە يەنە ياردەم قىلىپ كۈچ ئەۋەتىمەن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىشىچە غەرب تەرەپتىكى يۇرتلارنى قولغا كىرگۈزۈڭلار. سىزلەرگە ئىشەنچ باغلاپ ئۆزۈمگە ۋەكىل قىلىپ، بۇ جايدىكى مەملىكەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ ھەممىنى ئىختىيار تىزگىنىنى تۇتقازدىم“ دەپ قۇياش نۇرلۇق يارلىغنى ئارتۇقچە مۇبالىغە قىلىپ، غازاتچىلارنى يولغا سالدى.

شۇنداقلا ئىسھاق خوجامغا سىدىق دادخۇا، مەھمۇت توختى مۇھەممەت يۈز بېشى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، بىر يۈز سەكسەن مۇسۇلمان، ئەللىك تۇڭگانىنى ئون ئىككى زەمبىرەك بىلەن شەرقى تەرەپكە يولغا سېلىپ، يۇقىرىدا خېتىپ خوجامغا قىلغان يارلىقلارنى تەكرار ئايان ۋە بايان قىلىپ، پەتھى ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ يولغا سالدى. بۇ باب ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن تۈگىدى.

2

جانابى راشىدىن خان غازى خوجامنىڭ پاك نەسەپ ئەسلى توغرىسىدا ئاشكارا بايان ۋە زىكرى قىلماقلىقنىڭ لازىملىغى

ئەقىدىلىك يارىيەلەر ۋە مۇھەببەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ پاك زېھىنلىرىگە رۇشەن ۋە ئاشكارا بولغايكى، راشىدىن خوجام بولسا شەيخ نىزامىدىن خوجامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئىدى. نىزامىدىن خوجام بولسا مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللانىڭ نەۋرە ـ ئەۋلاتلىرىدىن ئىدى. مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللا بولسا مەۋلانە جەلالىدىن كەتكى (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!)نىڭ پەرزەنتى. مەۋلانە جەلالىدىن خوجا ئەبۇ ھەفەس كەبىر بۇخارى (139) (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك، مۇبارەك ۋە ئەزىز قىلسۇن!)نىڭ ئەۋلادى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تارىخ ھىجرى ئالتىە يۈز ئون يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1220 ـــ 1221 ـ يىلى ـ ت) پادىشا جاھانگىر چىڭگىزخان بۇ تەرەپكە چىقىپ، بۇ خارائى شېرىپنى قىرغىن قىلغان چاغدا، خوجا ھەپەس كەبىر بۇخارىنى شاھادەتكە يەتكۈزۈپ، ئەھلى ئەۋلادىنى ئاق ئۆيلۈك (سۈرگۈن ـ ت) قىلىپ، ئۆز يۇرتى بولغان قارا قۇرۇم ۋە كېلوران دېگەن جايغا ئېلىپ كېلىپ قويغان ئىدى. ئالتىە ياكى يەتتە ئەۋلات ئۆتكەندىن كېيىن، مەۋلانە جەلالىدىن دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇلار شەھىرى كىتىك دېگەن جايغا كۆچۈپ كەلدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللانىڭ غەزۋى تۈپەيلىدىن كىتىك شەھىرىگە قۇم يېغىپ، بالايى ـ ئاپەت بولدى. مەۋلانە جەلالىدىن يەنە ئاللانىڭ ئىلھامى ئارقىسىدا كېچىسى ئۇخلىماي بىرنەچچە مۇرىتلىرى بىلەن بىللە مېڭىپ، بىر ـ نەچچە كۈندىن كېيىن، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئايىكۆل دېگەن يەرگە چۈشتى. بۇ چاغدا ئاقسۇدا تۇغلۇق تېمۇرخان تېخى يېڭىدىنلا خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتى ئىكەن. ئون ئالتىە ياكى ئون يەتتە ياشلىق تۇغلۇق تېمۇرخان مەۋلانە جەلالىدىن بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر مۇنچە ۋەز ۋە پەندى نەسىھەتنى ئاڭلاپ كۆڭلى يۇمشاپ ”بۇ تاجىكنىڭ (140) سۆزى قۇلۇغىمغا ناھايىتى ياخشى ئاڭلاندى. مەن ئىلى شەھىرىگە بېرىپ پايتەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، بۇ كىشىمۇ يېتىپ بارسۇن. مەن بۇ كىشىنىڭ دىن مەزھىبىگە كىرىمەن، بۇ يەردە كىرگىنىم بىلەن كاتتا ئەمىرائى سەرگەردىلىرىم يوق. يۇرتنىڭ تولىسى ئىلىدا، ياخشى بولمايدۇ“ دەپ يارلىق قىلىپ ھەم مەۋلانە جەلالىدىنغا ۋەدە ۋە ئىنئاملارنى قىلىپ ياندۇردى.

تۇغلۇق تېمۇرخان بولسا چىڭگىز قاغاننىڭ يەتتىنچى نەۋرىسى ئىدى، بۇ مەسىلە يۇقىرىدا بايان قىلىندى. لېكىن مەۋلانە جەلالىدىن ۋاقىت تېپىپ ئىلىغا بارغۇچە، ئەجەل پۇرسەت بەرمەي، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئايىكۆل دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ مازىرى ھېلىمۇ مەشھۇر. ئۇ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغلى رەشىدىن ۋەلىيۇللاغا ۋەسىيەت قىلىپ: ”مەن بىر چىراققا ياغ قۇيۇپ، پىلىك سېلىپ تەييارلىغان ئىدىم. لېكىن ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرۇشقا پۇرسەت بولمىدى. شايەتكى، بۇ چىراققا مەن ئۈچۈن سىز ئوت ياقسىڭىز، بۇ چىراقتىن شەرق تەرەپكە رۇشەنلىك چۈشسە ئەجەپ ئەمەس“ دەپ ئالەمدىن كەتتى.

بىرنەچچە مۇددەتتىن كېيىن، مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللا دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئىلىغا بېرىپ خان بىلەن كۆرۈشتى. خان: ”دادىڭىز قېنى؟“ دەپ سورىدى. ئۇ ”ئالەمدىن كەتتى. مەن دادامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە شۇ ئۈمىت بىلەن كەلدىم“ دېگەندە، بەختى ئويغاق، دۆلىتى يار بولغان خان بۇنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ شەرىپىگە ئىگە بولدى ۋە قول ئاستىدىكى ئەل بەگلىرى، جايساق قاتارلىق كاتتا ئەمىرائىلىرىنى بىر ـ بىرلەپ ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارغا پەندى ـ نەسىھەت ۋە تاتلىق سۆزلەرنى ئېيتىپ، دىنغا دالالەت قىلىپ: ”دۇنيادا بۇنىڭدىن ياخشى ئىش بولمايدىكەن“ دەپ مۇسۇلمان قىلدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى يەتمىش مىڭدىن ئارتۇق دىنسىز موغۇللار ئىسلام دىنىغا كىرىپ، ئاللانىڭ بىرلىگىنى تونۇپ مۇسۇلمان بولغان ئىكەن. بۇ ۋەقە ئالى ماقام خاننىڭ يىگىرمە تۆت يېشىدا، يەنى تارىخ ھىجرى يەتتە يۈز ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1355 ـــ يىلى) يۈز بەرگەن ئىدى. ئىسلام دىنى شۇ كۈندىن باشلاپ موغۇللار ئىچىدە ئاشكارا ۋە رۇشەن بولۇپ قارارلاشتى.

خان مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللاغا: ”ئەي ئۇلۇغ موللام، ئەمدى ئىختىيار ئۆزلىرىدە، قايسى شەھەردە تۇرۇشنى ئۆزلىرى بىلىسىلە“ دەپ يارلىق قىلغاندا، مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللا ”مەن كۇچاردا تۇرسام“ دەپ ئىختىيار قىلدى. رۇخسەت بىلەن كۇچارغا بېرىپ، كەدخۇدا (يۇرت ساھىبى ـــ ت) بولۇپ ۋەتەن تۇتتى. خان كۇچاردىكى ئىچيېرىق دېگەن جاينى ئۇنىڭغا ئىنئام جۈلدۈ قىلىپ بەردى. بۇ يەر ھازىرمۇ خاننىڭ شۇ ۋاقتىدىكى يارلىغى بويىچە ۋەخپە تەرىقىسىدە ئۇلۇغ موللامنىڭ ئەۋلاتلىرى قولىدا تۇرماقتا. ئاخىرى موللام بۇ پايىدىسىز تۇپراق ئالەم غۇرۇرىدىن مەڭگۈلۈك شاتلىق سارىيىغا كەتتى. كۇچاردا دەپنە قىلىندى. ھازىر بۇ ئالى مازار ”ئۇلۇغ موللام“ دېگەن نام بىلەن مەشھۇر.

مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللانىڭ بىۋاستە ئەۋلادى نىزامىدىن شەيخ خوجام بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى شەيخ نەزىردىن خوجا، ئىككىنچى ئوغلى جامالىدىن خوجا، ئۈچىنچى ئوغلى راشىدىن خان خوجام، تۆتىنچى ئوغلى پەخرىدىن خوجا، بەشىنچى ئوغلى جالالىدىن خوجا ئىدى. خېتىپ خوجام بىلەن ئىسھاق خوجاملار بولسا شەيخ نىزامىدىن خوجامنىڭ بىر تۇققانلىرى ۋە تاغىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ھەممىسىلا بىر دەرەخنىڭ شېخى ۋە مېۋىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3

سەيىت خېتىپ خوجام ۋە كۆز قارىچۇغى مەھمۇدىن خوجاملارنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنى پەتھى قىلىش غازاتىغا تەۋەلىشىشى ۋە مەقسىتىگە يېتەلمەي ئۆز يۇرتىغا قايتىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلاجىسىز شېھىتلىك شەرۋىتىنى ئىچىشى قاتارلىق ۋەقەلەر بايانى

مۇھەببەت شۇئارلىق دوستلار ۋە ئەقىدىلىك ئەسەرلەرنى يازغۇچى بۇرادەرلەرنىڭ گۈلدەك كۆڭۈللىرىگە يېتىپ رۇشەن بولغاي، ئاڭلىغاي، راشىدىن خان خوجام خېتىپ خوجامنى غەرب تەرەپكە يۈرۈش قىلىشقا رۇخسەت بېرىپ خوشلاشقان ئىدى. خېتىپ خوجامنىڭ قوشۇنى كۇچاردىن چىقىپ قىزىل دېگەن مەنزىلگە چۈشتى. ئاندىن سايرامى ئىلكىگە ئېلىپ، تۆت ئادەمنى سىياسىتىدىن ئۆتكۈزۈپ دارغا ئاستى ۋە چاپتى. ئاندىن ئۆتۈپ بايغا كېلىپ، ئىككى كۈن تۇرۇپ، ئالتىە ئادەمنى دارغا ئاستى. بۇ ئادەملەر بولسا بۇزۇق ۋە ئەسكى يوللاردا يۈرگەن ئادەملەر بولغانلىقتىن، ئۆز جازاسىنى تاپتى. ئەكرەمشاھ ئەلەم ئاخۇننى سايرامغا، موللا ئاپاق ئاخۇننى بايغا ھاكىم قىلدى. ئاندىن يۈرۈپ ياقائېرىق دېگەن جايغا چۈشۈپ، رۇزى تۆرە دېگەن ئادەمنى يۈز ئەللىك كىشى بىلەن مۇز داۋانغا يولغا سالدى ۋە ”ئۆتەگىلەردىكى سىيەنويان (پوچتىكەش ۋە قاراۋۇلچى ـ ت) خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، چارشەنبە كۈنى جامغا كېلىپ ھازىر بولغىن، بىز بۇ تەرەپتىن، سەن ئۇ تەرەپتىن كېلىپ جامدا يېگەن سوڭۇپ ياتقان خىتايلارنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ يوق قىلايلى“ دەپ بۇيرۇق بەردى. بۇ چاغدا باي، سايرام ۋە تاغ ئېتەكلىرىدىكى ئادەملەر ھەممىسى بىردەك قولغا قارا كالتەك ئېلىپ، ”ئاللا! ئاللا!“ دەپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەكبىر ئېيتىپ، ”خوجاملارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئاقسۇغا بېرىپ، زۇلۇم ـ سىتەم قىلغان كاپىرلارنى ئىنتىقام ئېلىپ، غازىلىق دەرىجە ۋە مەرتىۋىسىنى تاپىمىز. ئەگەر ئەجەل يەتكەن بولسا شېھىتلىك شەرۋىتىنى ئىچىپ، ئالى جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى جايىدىن ئورۇن ئالىمىز“ دېگەن مۇددىئا ۋە ئۈمىت بىلەن، ھاياتلىق، دۆلەتنى تاشلاپ، ئەجەل شەرۋىتىنى ياخشى كۆرۈپ، ئاتىسى بالىسىغا، بالىسى ئاتىسىغا قارىماي، پىيادە ۋە ئاتلىق بولۇپ خوجاملارنىڭ كېيىنىدىن يولغا چىقتى. خوجاملار ”بىر قانچە ۋاقىت توختاپ تۇرۇپ قايتىڭلار، سىزلەر ئۈچۈن بىز غازات قىلايلى“ دەپ نەسىھەت قىلسىمۇ، ئۇلار: ”بىز زۇلۇم ـ سىتەمگە تاقەت قىلالماي، نائىلاج ھالغا يەتتۇق، مۇنداق ياشىغۇچە ياكى جان بېرەيلى، ياكى جان ئالايلى“ دەپ، ئۆزىنىڭ ئەزىز جېنىدىن كېچىپ، يىغلاپ ـ يىغلاپ كېيىنىگە يېنىشقا ئۇنىمىدى ۋە ئۆزلۈگىدىن ئوزۇق ـ تالقان، چوماقلىرىنى كۆتۈرۈپ، يولغا بىللە راۋان بولدى. بۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن يەتتە مىڭ ئادەمگە يەتكەن ئىدى.

ئەي ئەزىز يارىيەلەر، ھەرقانداق پادىشا ياكى ۋىلايەت ھاكىملىرىدىن پۇقرالارغا زۇلۇم ـ جەۋرىلەر ئۆتكەندە، پۇقرالار ئۆزىنىڭ شىرىن جېنىدىن كېچىپ، ئاللانىڭ دەرگاھىغا يۈز كەلتۈرۈپ، كۆز ياشلىرىنى تۆھپە قىلىپ، چىن ئىخلاسى بىلەن يىغلىسا، خۇداۋەندە كېرىمنىڭ رەھمەت دەريالىرى جۇش ئۇرۇپ دولقۇن بولۇپ، ئاجىز ۋە كۈچسىز بەندىلىرىنى قورال ـ ياراقسىزلا شانۇ ـ شەرىكەتلىك ئۇلۇغ پادىشالارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ قىلىپ، ”مەندىن غەيرى پادىشا يوق“ دەپ دەۋا قىلىدىغان زالىم تەكبۇرلارنى بىر سائەتتىلا مەغلۇپ قىلىپ يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇپىسىنى كۆككە توختىتىپ، ئاجىز ۋە كۈچسىز ھەتتا شۇر پېشانە بەندە ـ مەخلۇقلىرىغا تەخت ـ سەلەتەنەت ئاتا ئەيلەپ، ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى شانۇ ـ شەرىكەتلىك ئۇلۇغ پادىشالارنىڭكىدىنمۇ ئارتۇق ۋە يۇقىرى قىلسا، بۇ ئاللانىڭ ھۇزۇرىدا ھېچ كەم ۋە ئەيىپلىنەرلىك ئەمەس. ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدايىم بولسا ھەممىگە ئوخشىمايدىغان ۋە ھەممىدىن قۇدرەتلىك ھەم ھەممىنى دەرھال ياراتقۇچىدۇر. ”قۇرئان“دىمۇ ئاللا خالىغىنىنى قىلالايدۇ، خالىغىنىغا ئىرادە ۋە ھۆكۈم قىلالايدۇ.

ئۇ ھەممىنى قىلىشقا قۇدرەتلىك“ دەپ يېزىلغان.

نەزم:

گادانى شاھ ئېتەر يوق ھەراسان*،

ئاما شاھنى گادا قىلماق ھەم ئاسان.

خوجاملار ياقائېرىقتىن ئاتلىنىپ، ناماز بامدات ۋاقتىدا قارا يۇلغۇنغا كەلدى. بىرنەچچە ئىراۋۇلچى (قاراۋۇلچى ـ ت) خىتايلارنى تۇتۇپ يوق قىلدى. بۇ كۈننىڭ ئەتىسى بولسا خېتىپ خوجام بىلەن رۇزى تۆرە ئۇچرىشىشقا ۋەدە قىلىنغان كۈنى ئىدى. جامدىكى چېرىكلەر ئۈستىگە بارماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ھاۋا بۇزۇلۇپ يامغۇر ياغدى ۋە شىۋىرغان قوزغالدى. خېتىپ خوجام باشلىق ھەممە ئادەم ئۆي ـ ئۆيىگە كىرىپ ئۇيقۇغا كەتتى. لەشكەرلىرىمۇ دەرەخ ۋە تام قاتارلىق نەرسىلەرنى پانا قىلىپ، ئات ئىگەرلىرىنى بېشىغا قويۇپ، خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتتى. دەل مۇشۇنداق پەيتتە جامدىكى خىتايلار ۋە ئاقسۇ ھاكىمى سەئىدبېك باشلىق نۇرغۇن چېرىكلەر باستۇرۇپ كېلىپ، زەمبىرەكلەرگە ئوت تۇتاشتۇردى. بۇلار ئويغىنىپ قارىسا، قارا چېرىكلەر ئاللىقاچان قورشاپ بولغان ئىكەن. ئۇلار دەرھال تۇرۇپ، بەزىلىرى ئېگەرلىك ئاتلىرىغا، بەزىلىرى يايداق ئاتقا مىنىپ، بەزىلىرى پىيادە بولۇپ، قورقۇنچ ۋە زىلزىلە ئاستىدا ئارقىسىغا قاراپ قاچتى. خىتاي چېرىكلىرى چاپ ـ چاپ قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى ھالاك قىلدى. ئەجەل شەرۋىتىنى ئىچىشەك دېگەنلەرنىڭ ئارزۇسى، خۇداۋەندە كېرىمنىڭ ھېكمەتلىك مېھرىۋانلىغىغا سازاۋەر بولدى.

نەچچە ئادەم چۆلگە كىرىپ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلدى، ئىككى مىڭ سەككىز يۈزدىن كۆپرەك ئادەم ئاپات بولدى.

ئومۇمەن، ئىسلام لەشكەرلىرى قالايمىقانلاشتى. خوجاملار كۇچارغا قاراپ يولغا چىقتى. ئاقسۇ ھاكىمى سەئىد بەگ بۇلارنى تۇتماقچى بولۇپ، ئالتە پوتەي يەرگە قوغلاپ بارغاندا، خىتايلار ”قاچقان دۈشمەننى قوغلاش لى (قائىدە ـ ت) ئەمەس. جامۇ قولدىن كەتتى، دەرھال يېنىپ كېلىڭ“ دەپ خەۋەر قىلدى. سەئىد بەگ بۇ دەھشەتلىك خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال جامغا كەلسە، روزى تۆرە ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتا جامغا كېلىپ، بۇ يەردە قالغان پىلتېرچى، قوشچى، مىراخور خىتايلارنى تامامەن ئۆلتۈرۈپتۇ. لېكىن بۇ قارا يۇلغۇندىكى مۇسۇلمانلارنى قاچۇرۇپ ۋە ئۆلتۈرۈپ، بىرمۇنچىسىنى ئەسىر قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، جامدا تۇرالماي، ئۈستەڭبويى دېگەن كەنتكە قېچىپ بارغاندا، تونۇلۇپ قېلىپ، خىتايلارغا تاپشۇرۇلۇپ يوق قىلىنغان ئىكەن.

بۇ يەردە مەنىكى بۇ ھەرپىلەرنى تىزغۇچى مۇئەللىپنىڭ يادىغا شۇنداق ئاجايىپ ئىشلار كەلدىكى، بۇنى سۆزلىمەي بولمىدى، يەنى خاقانى چىننىڭ زور ۋە كاتتىلىغى ھەممە ئىنسان گۇرۇھىغا خۇددى قۇياش نۇرىدەك ئايانكى، كۇچار بولسا كىچىكىنلا بىر قەلئە بولۇپ، بۇ چوڭ شەھەرلەرگە قارىغاندا، ھېچقانداق نام ـ نىشانىسى يوق. ھالبۇكى، شۇنچىلىكلا بىر يەردىن ئازلا مۇسۇلمان باش كۆتۈرۈپ، چوڭ بىر ئىنقىلابقا باراۋەر كەلگەن كىشى بولۇپ خىتىپ خوجام بىر مەپىگە چۈشۈپ، موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى بىر مەپىگە چىقىرىپ، ئۆزىگە ئۆزى قانائەت قىلىپ، ئۆزىدىن ئۆزى خۇرسەن ۋە خوشال بولۇپ، باي بىلەن سايرامدەك ئىككى راباتنى ئۆزىگە تەۋە قىلىش بىلەنلا، ھەممىدىن بېغەم ۋە خاتىرجەم بولۇپ، تېخى مەنزىل يەرگە كەلمەي تۇرۇپلا، كىيىم ـ كېچەكلىرىنى سېلىپ خاتىرجەم بولۇپ ئۇخلاپ، يا ئەسكەرلىرىدىن خەۋەر ئالماي ۋە يا دۈشمەننىڭ خەۋپىنى بىلمەي غەپلەتتە يېتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىغا زامىن بولدى، ئەي مۇئەللىپ موللا مۇسا! ئىنساپ قىل، تەنى ـ تەنەلەرىڭدىن تىلىڭنى يىغ! نەزىم:

قادالسا بىر تىكەن، ياچۆشسە بىر قىل، ئىرادىسىز ئەمەس ھېچ ئىش يېقىن بىل.

ھەر قانداق چوڭ ـ كىچىك ئىش ۋە ھادىسىنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ ئىرادە تەقدىرىدىن تاشقىرى ئەمەس. ”قەلۇبەل“دا (قۇرئاننىڭ بىر سۈرىسى ـ ت) ئالەم ئىگىسىنىڭ قۇدرەتلىك قەلىمى بىلەن شۇنداق يېزىلغان. بۇ ئالەم يۈزىدە، ئۇنى كۆرمەسلىككە ئەسلا ئىلاج ۋە چارە يوق.

شۇنداق قىلىپ، قازى ئەسكەر موللا ئوسمان ئاخۇنۇم قارا يۇلغۇندا ئولجا چۈشتى. سەئىدبەگ ئەسلىدە بۇنىڭ شاگىرتى ئىكەن. شۇڭلاشقا، ئۇ خىتاي مەنسەپدارلىرىنىڭ ماقۇللۇغىدىن ئۆتكۈزۈپ ”بۇ ئادەم مۇشۇ تايىپىلەرنىڭ باشلىغى ئىكەن. بۇ ئادەم ئۇ ئىشلارنى قانداق سەۋەپ بىلەن قىلغانلىغىنى سۇراپ بىلىشكە لازىم بولىدۇ. بۇنى ئۆلتۈرمەي ساقلاپ قويساڭ بولارمىكىن“ دەپ ئاقسۇنىڭ ئامبىنىغا خەت يازغان ئىكەن. بۇ ئاقسۇ ئامبىنىغا ماقۇل چۈشۈپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەي تۈرمىگە تاشلاپ، نەچچە خىتاينى ساقلاشقا قويۇپتۇ. خىتىپ خوجام كۇچارغا بېرىپ، يەنە لەشكەر باشلاپ، بىر ئايدىن كېيىن ئاقسۇنى پەتىھ قىلدى. ئونىڭغىچە خوجاملار موللا ئوسمان ئاخۇن سەئىدبەگ تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپتۇ دەپ گۇمان قىلىپ، ئۇنى ئەيىپلىيەتتى. ئاقسۇ شەھىرىنى پەتىھ قىلغان چاغدا، بىرنەچچە ئەسكەر خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ بىر ئۆيگە كىرسە، موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنىڭ قول ـ پۇتلىرىغا مەھكەم ئىشكەل ۋە زەنجىر سېلىپ سۇلاپ قويغان ئىكەن. ئۇلار موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى شۇ ھالىتى بويىچە خوجاملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئىشكەل ـ زەنجىرلەرنى چېقىپ ئاجراتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېيىتىنمۇ قۇتۇلدى، جېنىمۇ سالامەت قالدى. لېكىن بۇنى ساقلىغان خىتايلارنىڭ بەزىلىرى شەھەر پەتىھ بولۇش بىلەنلا ئۆزىنى ئۆزى ئېسىپ ئۆلتۈردى. بەزىلىرى باشقا ئۇسۇل بىلەن ئۆلۈپتۇ. بىراق، ئۇلار موللا ئوسمان ئاخۇنۇمغا دەخلى قىلالماپتۇ. بۇنى يېزىشتىكى مەقسەت شۇكى، خىتاينىڭ ئولۇغلىرى سۆز ـ بويىروقنى ناھايىتى چىڭ تۇتىدىكەن. ھەرقانداق بولسىمۇ بىر مۇسۇلمان دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن كېيىن ئۆلەي دېمەيدىكەن. موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى بەلكى ھەقىقى مۇھاپىزەتچى ۋە ئەيىپسىز ئاللانىڭ ئۆزى ساقلىغاندۇر. خىتىپ خوجام بولسا ناھايىتى ساددا، رەھىمدىل ۋە زامان تەجرىبىلىرىدىن خەۋەرسىز بىر كىشى ئىدى. لېكىن ئۇ مۇسۇلمان مۆمىنچىلىكىدە ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ناھايىتى ئىنسابلىق كىشى ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ ئۆتكەنىكى مەغلۇبىيەت خىجالەتچىلىگىدىن بېشىنى زادىلا ئۈستۈن قىلالمىدى.

4

جامالىددىن خوجامنى باش قىلىپ ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇ غازاتىغا يارلىق سۈرۈلگىنى ۋە ئاقسۇنى پەتىھ قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇپ مۇرات باغچىسىدىن گۈللەرنى ئۈزگىنى ۋە گۈللەر بىلەن كۆڭۈلدىكى مەقسەت ھاسىل بولغىنى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ ئومۇمى بايانلىرى

پېشقەدەم يارەنلەر ۋە سەمىمى دوستلار بۇنداق ھېكايە ۋە قىزغىن قىسسە قىلدۇركى، بۇ ياخشىلىق بىلەن قوشكېزەك بولغان زاماندا، جانابى سەيىد راشىدىن خان خوجام سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرۇپ، بەدەن قامەتلىرىگە ھۆكۈمرانلىق كىيىملىرى ۋە بېشىغا سەلتەنەت تاجىسى يارىشىپ، يۇرتنىڭ ھەممە چوڭ ـ كىچىكلىرىگە يارلىغىنى يۈرگۈزدى، يارلىق ۋە نىشان، ئۇنۋانلىرىغا ”زۇبدەئى ئەۋلادىرەسۇلللا (پەيغەمبەرنىڭ تاللانغان ئەۋلادى)، ئەبۇلمۇزەففەر ۋە ئەلمەنسۇر (زەپەر ۋە نۇسرەتچىلەرنىڭ ئاتىسى ـ ت) سەيىد غازى راشىدىن خان خوجام“ دەپ يازاتتى. خەتىپلار مۇنبەرلەرنى بۇ خان خوجامنىڭ ئىسمى شەرىپلىرى ۋە گۈزەل لەقەملىرى بىلەن بېزەپ زىننەتلىدى. خان خوجام خاقانى چىننىڭ پۇلىغا ئوخشاش قىلىپ پۇل قۇيدۇردى. پۇلنىڭ بىر يۈزىگە ”راشىدىن خان غازى“ ۋە يەنە بىر تەرىپىگە ”كۇچار سەلتەنەتىنىڭ سوققان پۇلى“ دەپ خەت ئۇيدۇردى. بۇ پۇل ھازىرمۇ داۋاملىق خەشلەنمەكتە.

راشىدىن خان خوجام خىتىپ خوجامنىڭ قارا يۇلغۇندا شىكەست يەپ قېچىپ كەلگەن قورقۇنچلوق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، بىر قانچە گۇناسىزنى سىياسەت قىلىپ دارغا ئېسىپ، ئۇلارنىڭ تەن ـ ۋۇجۇت خامىنى شامالغا سورىدى. ھەممە چوڭ ـ كىچىكلەر گۇنادىن ئۆتۈشنى تىلەپ ۋە يالۋۇرۇپ، توۋا قىلىپ، ئىتائەت ۋە ئىتائەت ھالقىسىنى يېگۇۋاشتىن بېكىتىپ، چىن ئىخلاسى بىلەن بوي سۇنۇپ ۋە ئىتىقات قىلىپ، ئۆزرە ـ ئىززەتتىن ئېغىز ئاچتى. بۇ چاغدا ئاكىسى جامالىدىن خوجامنىڭ قىياپىتىدىن لەشكەر ـ كەشلىك، سىياسەتلىك ۋە پۇقراپەرۋەرلىكتە ناھايىتى زور قابىلىيەتلىك ئىكەنلىگى بىلىندى. خان خوجام يارلىق قىلىپ، ئۇنى سەكسىز يۈز لەشكەرۋە توپ ـ زەمبىرەكلەر بىلەن ئاقسۇغا يولغا سالدى. بۇ كىشى بولسا يىراقنى كۆرەلەيدىغان، تەدبىرلىك، دۆلەت ئىشلىرىدا شىجائەتلىك، تىبابەتچىلىك ئىلمىدە ناھايىتى ماھىر، دىلى قاتتىق ۋە غەيرەتلىك كىشى ئىدى. كۇچاردىن تارتىپ، سايرام ۋە بايغا قەدەر ھەممە جاينى قولغا كىرگۈزۈپ، ئىشقا يارايدىغان ياش، كۈچ ـ قۇۋۋەتلىك، پالۋان ۋە جۈرئەتلىك ئادەملەرنى تېپىپ تاللاپ، ئىككى مىڭچە ئادەم تەييارلاپ ئاۋۇلچى، قاراۋۇلچىلارنى قويۇپ، تولۇق ئەھتىيات ۋە ھوشيارلىق بىلەن چوڭ يولنى تاشلاپ، ئىسلى تەرەپكە ماڭغان بولۇپ، بۇ يولدىكى ئاراشور دېگەن يەرگە چۈشتى. بۇ جايدا لەشكەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئات ـ ئۇلاقلاردىن خەۋەر ئېلىپ، خىتاي چېرىكلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بىلىپ، ياخشى ۋە يامان كۈنلەرنى مۇلاھىزە ۋە سىناق قىلىپ، يۇلتۇز ۋە پەلەكلەرنىڭ بەلگىلىرىگە قاراپ يىگىرمە كۈنچە تۇرۇپ قالدى.

بۇ كۈنلەردە قەشقەر، ياركەنت، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىن ئىلىغا ئەۋەتىدىغان شاڭ ـ خىراجلار مۇزارت داۋېنىغا بارغاندا، يۇرت پاراكەندە بولۇپ، يولدا توختاپ قالغان ئىكەن. خوجاملار بۇ شاڭلارنى ئۆز ئەسكەرلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى ”شاڭ“ دېگەن سۆز ”بۆز ـ خام“ دېگەن سۆز بولىدىكەن. بۇ سۆزنىڭ تەپسىلاتىغا كەلسەك، بۇرۇنقى زاماندا مۇسۇلمان خانلىرىدىن ئىسمائىل خاننىڭ زامانە ـ ئەسىرلىرىدە ۋىلايەت تەرەپتىن مەخدۇم ئەززەمىنىڭ نەۋرىلىرى خوجا يۈسۈپ خوجام ئوغلى خوجا ئاپاق بىلەن ياركەنت تەۋەسىگە كەلدى ۋە ئىسمائىل خاندىن خاپا بولۇپ، ئىلىغا چىقىپ، قۇن تەيجى تۈرىگە ئۆزىنى تاشلاپ، ئەرز ـ ھالىنى بايان ئەيلەپ ”مېنى ھەيدەپ چىقاردى، يار مەدەت بېرىڭىز“ دەپ ئىلتىجا قىلغاندا، قۇن تەيجى بىرمۇنچە قالماقنى ھەمرا قىلىپ بېرىپتۇ. بۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن يۇرتقا ئىگە بولۇپ، ئىسمائىل خاننى ئائىلە تەۋابىئاتى بىلەن ئەسىر قىلىپ ئىلىغا ئېلىپ كېتىپتۇ. قالماقلار يانماقچى بولغاندا، بۇلارنىڭ قۇرۇق يېنىشى مۇناسىپ ئەمەس دەپ، بۇ يەتتە شەھەردىن بىرمۇنچە بۆز ـ خام يىغىۋېلىپ، ئەھۋالغا يارىشا ئىنئام ۋە ئېھسان قىلدى. قالماقلار ھەر يىلى بۇنداق بۆز ـ خامنى تەمە قىلاتتى، بەرمەسلىككە مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ”قالماققا بۆز، خىتايغا سۆز“ دېگەن تەمسىل شۇ چاغدىن قالغان ئىدى، چۈنكى بۇ چاغلاردا بۇ دىياردا خامدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. سودا ـ سېتىق ئىشلىرىدا پۇل ئورنىدا بۆز ـ خام ئىشلىتىلىدىكەن. كېيىنچە بۇ يۇرتلار خاقانى چىنغا تەۋە بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئەھۋال يەنىلا باقى قالغان ئىكەن. شۇڭلاشقا بۇ خىتايچە ”شاڭ“ دەپ ئادەتلەنگەن ئىكەن.

ئۇ زاماندىن راشىدىن خان زامانىغىچە ئىككى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. يۇرت ھاكىملىرى ۋە باشلىقلىرى مەزكۇر بۆز ـ خامنى ئىلىغا چىقىرىپ تۇرغان ئىدى. لېكىن بۇ بۆز ـ خامنىڭ مىقدارى يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ تۇراتتى. خوجاملار مەزكۇر بۆز ـ خاملارنى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇنى كىيىم ۋە ئېھرامدەك قىلىپ يۆگىنىپ، بېشىغا يارا ۋە سەللە قىلىپ يۆگەپ ”ئەمدى كېپەنلىگىمىز مۇشۇ بولدى“ دەپ ھەممىسى تېخىمۇ بىر نىيەت ـ بىر دىل بولۇشۇپ، يىغلاپ قاخشاپ، ئىلھى دەرگاھىغا ئاجىزلىغىنى بىلدۈرۈپ، خوجاملار باشلىق ھەممىسىلا ئاق ماتاغا يۆگىنىپ، گويا ئاق قۇيدەك بولۇپ، ھىممەت ۋە جۈرئەت كەمىرىنى بېلىگە مەھكەم باغلاپ، بىر كېچىدە ئاراشوردىن ئاتلىنىپ، مۇزداۋان يولى بىلەن كېلىپ جامدا قۇرغان سۇقۇپ ياتقان چېرىكلەرنىڭ ئۈستىگە خۇددى تۇيۇقسىز كەلگەن بالا ـ قازادەك ئۆزىنى ئۇردى. بۇ چاغدا كاپىرلار تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان ئىكەن، شۇڭلاشقا ئۇلار مەيلى خىتاي بولسۇن ياكى ياردەم ئۈچۈن كەلگەن مۇسۇلمان چېرىكلىرى بولسۇن، ھەممىسىنىلا تىغ سىياسەت ۋە غەھىرىيەتتىن ئۆتكۈزدى. پەقەت ناھايىتى ئازدىن ئاز قىسمىلا جېنىنى جايلىپ، ئۆزىنى ئاقسۇ شەھىرى ئىچىگە ئالدى.

بۇ كۈنلەردە ئىلىدىن قەشقەرگە بېرىپ شەھەر ساقلايدىغان بەش يۈز سولون، قالماق ئۇقيا، ساغداق، ئوق ـ دورا ۋە ياراقلىرى بىلەن ئاقسۇغا كېلىپ، قەشقەرگە ماڭغىچە، كۇچارنىڭ بۇزۇلغانلىغى خەۋىرى كېلىپ، بۇلارنى قەشقەرگە ماڭدۇرماي، جامغا بىللە ئېلىپ چىققان ئىدى. يەنە سۇكو ـ سالتاڭ، قىمارۋاز، سەرگەردانلاردىن بىر مىڭچە ئادەم يىغىپ، خىتايچە كىيىم ـ ئاياق كىيدۈرۈپ، ئۆزىگە ياردەمچى قىلىپ جامغا ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا تىغ سىياسەتتىن ئۆتتى. جام ۋە ئاقسۇدا بولۇپ، خىتاي، قالماق، مۇسۇلمان مۇناپىقلاردىن تۆت مىڭدىن ئارتۇق كىشى يوق قىلىندى. ئاقسۇ ھاكىمى سەئىد بەگ قەشقەرگە قاچتى. باي ھاكىمى تېمۇر غەزنىچى بەگ خوتەنگە كەتتى. خوجاملار خىتايلارنى قوغلىغىنىچە ئاقسۇغا كىرىپ، بۇ جاينىڭ دار سەلتەنەتىگە ئورۇنلاشتى. تارىخ ھىجرى ماھى سەپەر مۇزەپپەرنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى ـ ت) ئاقسۇنىڭ چىڭچەي ئامبىنى باشلىق ھەممە مەنسەپدارلىرى بۇ ئىش ـ ئەھۋالنى كۆرۈپ، بارلىق بالا ـ پەرزەنتى، خوتۇن ـ تەۋەيەتلىرىنى ئۆز ئوردىسىغا يىغىپ، ئەتراپىغا دورىلارنى قويۇپ، بىسىجىن تەرەپكە قاراپ ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بىرنىمىلەرنى دەپ يىغلاپ ـ يىغلاپ تاماقىسىنى چېكىپ، غاڭزىسدىكى ئوتنى دورىغا تاشلىغان ئىدى. ھەممىسىلا دەرھال يوق بولۇپ، جەھەننەمگە كەتتى. مۇسۇلمانلار شادى ـ خورام بولدى، مۇناپىقلار غەم ـ ئەلەمگە تولدى. مۇبارەكباتلىق ئۈن ـ ساداسى ئاسمان ـ پەلەكنىڭ ئۈستىدە ياڭرىدى. غەلىبە ۋە نۇسرەتتىن كېيىن، جامالىددىن خوجام ئاقسۇ تەخت سەلتەنەتىدە ئولتۇرۇپ، خىتايلاردىن ئېلىنغان ئولجىلارنى ئەسكەرلەرگە ئىنئام قىلىپ بەردى. ھەركىشى ئۆز كۈچ ـ قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ئولجا ۋە غەنىمەتكەرگە ئىگە بولدى. كۇچارلىق ئابدۇلراخمان دوپ بېگىنى دادخوا قىلىپ تەيىنلىدى. ئاقسۇلوق قاسىم قازى بېگىنى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ تەيىنلىدى. بۇرۇنقى ئەلەم، مۇپتى، قازىلارنى ئۆز ئورۇنلىرىدا قويۇپ، ئۆز مەنسەپلىرىنى مەرھەمەت قىلدى. ھېچ كىمگە دەخلى ـ تەئەرۇز قىلىنماي، ھەممە ئادەم ئىلگىرىكىدەك ئۆز ئورۇن ۋە دەرىجىسىدە قالدى.

جامالىددىن خوجام ئاقسۇغا ئاتلانغان چاغدا، خىتىپ خوجامنىڭ چوڭ ئوغلى ھامىددىن خوجامنى يۈز لەشكەر بىلەن مۇز داۋانىدىن خەۋەر ئالدۇرغىلى ماڭدۇرغان ئىدى. ئۇ مۇز داۋاندا بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، ئاقسۇ پەتىھ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئورنىدا ئادەم قويۇپ، ئاقسۇغا كېلىپ دادىسى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ كۈنلەردە ئىلىدىكى جاڭ ـ جۈن ئاقسۇ ئامبىنىغا يار ۋە مەدەت بولۇش ئۈچۈن يەتتە مىڭ خىتاي چېرىگى، ئۈچ مىڭ قالماق چېرىگىنى ئوق ـ دورا ۋە قورال ـ ياراق بىلەن ئاقسۇغا ماڭدۇرغان ئىكەن. بۇلار مۇز داۋاندا ئادەم توسۇپ ياتقانلىغىنى بىلىپ، ئەللىك كۈنچە تۇرۇپ يېنىپ كېتىپتۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خوجاملار ئاقسۇنىڭ ئىشلىرىدىن خاتىرجەم بولغان بىلەن، قەشقەر، ياركەنت، ئۇچتۇرپان تەرەپتىن تېخى خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ئۇچتۇرپاننىڭ شەھىرى بولسا مۇستەھكەم ۋە چېرىكلىرى كۆپ ئىدى. خىتىپ خوجام ئۇچتۇرپان غازاتىغا بېرىشنى ئويلاپ، جىددى تەييارلىقلارنى قىلماقتا ئىدى ـ ۋەسسالام.

5

سەيىت غازى خىتىپ خوجام ۋە ئۇنىڭ كۆز قارىچۇغى ھامىددىن خوجاملار ئۇچتۇرپاننى پەتىھ ۋە تەسىخىر قىلىشقا ماڭغىنى، پەتىھنىڭ غەلىبە شامىلى قوزغىلىپ، مەقسەت گۈللىرى ئېچىلىپ، مۇرات ـ مەقسەتنىڭ قولغا كەلگىنى ۋە باشقا ھادىسە ھەم ۋەقەلەر بايانى

سادىق دوستلارنىڭ ۋە مۇۋاپىق بۇرادەرلەرنىڭ زېھىنلىرىگە يېتىپ رۇشەن ۋە مەلۇم بولغايكى، ماھى سەپەر مۇزەپپەرنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى (مىلادى 7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى ـ ت) ئىدى. سەئىد غازى خىتىپ خوجام ۋە چوڭ ئوغلى ھامىددىن خوجاملار باشلىق بولۇپ، ئالتە يۈزچە لەشكەر، توپ ـ زەمبىرەكلەر بىلەن بىللە، بىر قانچە ئىش بىلەرمەن ۋە ھۆرمەتلىك ئەمەلدار بەگلەر ۋە گىراژدانلىرىنى ھەمرا قىلىپ، ئاقسۇلۇق موللا ئابدۇللا قازى ئاخۇنۇمنى قازى ئەسكەر قىلىپ، ئۇچتۇرپاندىكى خىتايلارنى يوقىتىش ئۈچۈن تېز سۈرئەت بىلەن يولغا چىقتى ۋە ئاقسۇ كەنتلىرىدىن بولغان ئارال، ئاقيار قاتارلىق جايلاردىن پالۋان ۋە باتۇر تاللاپ ئەسكەر ئېلىپ، تۆتىنچى كۈنى ئۇچتۇرپان تەۋەسىدىكى ئاچا تاغ دېگەن يەرگە چۈشتى. ئۇچتۇرپان خىتايلىرى ئۇچتۇرپان ھاكىمى توختى بېگىنى نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئاچا تاغدا قاراۋۇلچى قىلىپ قويغان ئىكەن. بۇلار خوجاملارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەنلا خالار ـ خالىماس ئۆركۈم ـ ئۆركۈملەپ خوجاملارنىڭ خىزمىتىگە كېلىپ، خىزمەتكار ۋە غۇلام مۇقامىدا بېلىنى مەھكەم قىلىپ، ئەمىر ـ ئىتائەت يولىنى ئۆزىگە پەرز ۋە ۋاجىپ دەپ بىلىشتى. بۇنىڭ كېيىندىن ھەممە ئۇچتۇرپان ئەھلى توپ ـ توپ ۋە گۇرۇھ ـ گۇرۇھ بولۇپ كېلىپ خوجاملارنى زىيارەت قىلىشنى ئۆزلىرىگە پەخرى ـ ئاتاق دەپ بىلىشىپ، خىتاي شەھىرىنى پەتىھ قىلماقنى مەسلىھەت قىلىشىپ، شۇنىڭ تەرەددىتلىرىغا چۈشتى. خوجاملار باشلىق ھەممىسى بىر نىيەت بولۇپ، خىتاي شەھىرىنى قورشاپ جەڭگە تەييار بولدى. خىتايلار سېپىلدىن مىلتىق، زەمبىرەك ئېتىپ، تولا ئادەمنى نابۇت قىلدى. ئىسلام لەشكەرلىرى بىر تەرەپتىن ئېگىز ھۇجۇم شاخاپچىلىرىنى باغلىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن مەھەللە دېگەن تاغنىڭ كېيىندىن لەخمە كولىتىپ تۇرغان بىر ھالەتتە، خىتايلار ئۈشتمۈت دۇرخانىغا ئوت تاشلىدى، ئوت كەتكەن ھامان مەيلى خىتايلار بولسۇن ياكى تاملار، قورال ـجابدۇقلار، بۇتخانىلار ۋە مەھەللە تېغى خۇددى تۇزاقتەك كۆككە ئۇچتى. كىشىنى كىشى تونۇمىدى. ھەتتا بىر بىرىنى كۆرەلمەيتتى. كۈندۈزكى كۈن گۇياكى كېچىنىڭ قاراڭغۇسى بولدى. كاپىرلارنىڭ پۇت ـ قوللىرى دورىنىڭ كۈچى بىلەن بىر تاش ياكى ئىككى تاش مىقدارى يەرگە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. بەزىلىرىنىڭ باش ياكى بەدىنى دەل ـ دەرەخلەرگە ئېسىلىپ قاپتۇ. ئۇچتۇرپاندىكى بۇ دورىخانا پۈتۈن ئالتە شەھەرنى قامدايدىغان چوڭ دورىخانا ئىدى.

گەپنىڭ قىسقىسى، ئۇچتۇرپان يۇقۇرقى ئۇسۇللار بىلەن پەتىھ قىلىندى. خىتىپ خوجام زەپەر ۋە غەلىبىلەردىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بارگاھى ياكى ئارامگاھلىرىدا ئولتۇرۇپ، ياخشى ـ يامان ياكى ھەزەرلىك ئادەملەرنى بىر ـ بىرلەپ ئايرىپ، ئۇلارنىڭ گۇنالىرىغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ، بەزىلىرىگە شاھانىلىق ئىنئام ۋە خوسرەۋانىلىق مەرھەمەتلەر كىرگۈزدى. ئەمما بەزى جالاپ ۋە پاھىشۋاز خوتۇنلارنى ۋە كاپىرلارنىڭ پېئىل ـ خۇيلىرىنى كەسىپ قىلىپ كاپىرچە يۈرگەن ۋە يامانلىققا باشلىغان پاسىقلارنى ئىبرەت ئۈچۈن تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزۈپ سىياسەتلىدى. ئۇچتۇرپاننىڭ بۇرۇنقى ئەلىمى موللا ئاتاۋۇللا ئاخۇننى يەنە ئەلەم قىلدى. توختى ھاكىم بېگىنى يەنە قەدىمقى دەستۇرى بويىچە ھاكىم ۋە دادخوا قىلىپ تەيىنلىدى. باي مۇھەممەت قازى بېگىنى يەنە قازى بەگ قىلىپ تەيىنلىدى. دوستلار خۇرسەن ۋە شات، دۈشمەنلەر غەمكىن ۋە پەرىشان بولدى. مۇبارەك بادلىق ساداسى گۈمبەزدەك بۇ يېشىل ئاسماندىن ھالقىپ كەتتى.

ئەلقىسسە، بىرمۇنچە ئىشەنچىلىك ئادەمنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن بەرگەن نۇرغۇن خەۋەر ۋە رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، بۇرۇنقى زاماندا، يەنى غەفۇرچىنى بۇ يەتتە شەھەرنى تەسىررۇپ قىلغان چاغدا، جامالى جاھان ئارا ئاپتاپ نۇرىدەك ۋە گۈزەللىگى يوق يەككە گۆھەردەك ئون ئالتە ياشلىق بىر قىز (141) مەنسەپدارلارنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇلار ”ئۇلۇغ خانغا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئارزۇ قىلغۇدەك مەھبۇپ سوغا ـ سالام ۋە تۈھپە بولماس“ دەپ، غەفۇرچىنىنىڭ خىزمەتلىرىگە تارتۇق ۋە تۈھپە قىلىپ ئېلىپ بارغان ئىكەن. ئەمما بىر كۈنى خان بۇ قىز تۇرغان ھۇجرىغا كىرسە، ئۇنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرۈپ خىيال قىلىپ، يەر يۈزىدە مەندىن چوڭ ئۇلۇغ خان بولمىسا، نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ، بۇنى سۇراپ راستىنى بىلەي دەپ قىزغا سۇئال قويغاندا، قىز سۆز تاپالماي، ”مېنىڭ يۇرتۇمدا مۇشىلىك بىر دەرەخ بار. ئۇنىڭ مېۋىسى ئالتۇندىن، يوپۇرماقلىرى كۈمۈشتىن، يىلىمى ئەتىردىن ئىدى. شۇ يادىمغا كېلىپ يىغلايمەن“ دەپتۇ. خان يارلىق قىلىپ، ”ئۇچتۇرپاندا مۇنداق بىر دەرەخ بار ئىمىش، ئۇ تېزلىك بىلەن يەتكۈزۈپ كېلىنسۇن، بۇ دەرەخ مېنىڭ باغچىلىرىمغا لايىق ئىكەن“ دەپ يارلىق بېرىپتۇ. يارلىق كېلىشى بىلەنلا مەنسەپدارلار ئۇچتۇرپان ھاكىمى رەھمەتۇللا بەگ (142) دېگەننى ئاگاھ قىلىپ ”بۇ خىل دەرەخنى كۆچەت قىلىپ بېجىڭگە يەتكۈزۈپ، ئۇلۇغ خاندىن ئىلتىپات كۆرۈپ يانىسىز“ دەپ بۇيرۇغاندا، ھۆكۈمنى رەت قىلالماي، جىگدە كۆچىتىنى ئېلىپ، ئادەملەرنى ھاشا قىلىپ، كۆچەت كۆتەرتىپ، زۇلۇم ـ جەۋر سېلىپ، توت پوتەي يەرگە يەتكەندە، كۆچەت كۆتەرگەن ئادەملەر بىر كېچىدە بۇزۇلۇپ ئىتتىپاقلىشىپ، ”بۇ كۆچەتنى بېجىڭگە ئېلىپ بارغىچە تولا ئادەم ھالاكەتكە ئۇچرايدىغاندەك، بۇ ئەھۋالنىڭ سىرىنى رەھمەتۇللا بەگكە ئىزھار قىلساق، بىز بىلەن بىر سۆز ـ بىر نىيەتتە بولسا ناھايىتى ياخشى، ئەگەر سۆزىمىزگە كىرمەي قارشىلىق قىلسا بۇنى ئۆزى بىلەر“ دەپ ئەھۋالنى رەھمەتۇللا بەگكە بايان قىلىشتى. بۇنى رەھمەتۇللا بەگمۇ ماقۇل كۆرۈپ، مەزكۇر كۆچەتنى قارا كالتەك قىلىپ كۆتۈرۈپ، بىللە ماڭغان خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، خان، ئامبان باشلىق مەنسەپدار ۋە چېرىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، رەھمەتۇللا بەگنى ئۆزىگە مۇستەقىل ھاكىم قىلىپ، ئۇچتۇرپاننى توققۇز ئاي سۇراپتۇ.

بۇ ۋەقە ـ ھادىسە بېجىڭگە ئاڭلانغاندا، لەنجۇ سىڭنىڭ بۇ تەرەپىدىن ناھايىتى كۆپ قارا چېرىكلەر كېلىپ، تولا ئۇرۇش بولۇپ، ئۇچتۇرپاننى ئىككىنچى قېتىم تەسىررۇپ قىلىپ، ئادەملىرىنى قىرغىن قىلغان ئىكەن. تىغدىن ئېشىپ قالغانلىرىنى ئۇ تەرەپ قامۇلدىن، بۇ تەرەپ ئىلىغىچە، ھەتتا قەشقەر، خوتەنگىچە بولغان ھەر قايسى ئۆتەڭلەردە تۆت ئۆيلۈكتىن ئادەم تەيىن قىلىپ، خەت توشۇيدىغان ۋە خىتايلارغا خىزمەتچى قىلىپ بەلگىلەپ تارقىتىۋەتكەن ئىكەن. بۇ ئادەملەرنىڭ ئەۋلادىنى تا ھازىرمۇ ”تۇرپانلىق“ دېگەن نام بىلەن ئاتايدۇ. لېكىن، ئىلى تەرەپىگە بارغان ئادەملەر بولسا بىرنەچچە ئەۋلاتتىن كېيىن قالماقلارنىڭ ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، قالماققا ئوخشاش بولۇپ كېتىپتۇ. بۇلار ھازىر ئۆزىنى ”بىز مۇسۇلمان قالماق بولىمىز“ دەيدىكەنمىش. بۇ ۋەقە خاقانى چىننى يەتتە شەھەرنى تەسىررۇپ قىلىپ ئون يەتتىنچى يىلى (143) يۈز بەرگەن ئىكەن.

بۇ قېتىم ئۇچتۇرپان ئېلىنىپ دورىخانىغا ئوت كەتكەندە، بىر قانچە كونا كىتاپنىڭ ۋاراقلىرى، قورال ـ ياراقلار، ئىگەر ـ توقوم، لېگەر ـ چاق، بوقۇسا، ئارا قاتارلىق نەرسىلەر چېچىلىپ يېتىپتۇ. مەن بۇ نەرسىلەرنى مۇئەللىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن ئۇچۇق كۆرۈپ، ۋەقە سەۋەپلىرىنى سۇرسام، ئۇلار ”رەھمەتۇللا بەگنىڭ قوزغىلىڭىدا بۇ ئەشيالارنىڭ ئىگىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بۇ نەرسىلەرنى گۇناكار قىلىپ ساقلىغان ئىكەن. دورىخانىغا ئوت كەتكەندە، ھەممە نەرسىلەر كۆيۈپ كۈل بولۇپ ئۇچۇپ كەتكەن. بولمىسا بۇنداق نەرسىلەر تېخىمۇ كۆپ ئىدى، كۆرگەنلىرىڭىز بولسا پەقەت ئۇلاردىن ئېشىپ قالغانلىرى“ دەپ تولا ھېكايە قىلىشتى. مەن ئۇلارنىڭ بۇ جاۋاپلىرىغا قانائەت قىلىپ بەس دەپلا قويۇدۇم.

ئىلگىرى خاقانى چىنى بۇ يەتتە شەھەرنى ئالغاندا، ئۇچتۇرپاننى پايتەخت ئورنىدا قىلىپ، خان، ئامباننى ئۇچتۇرپاندا توختىتىپ، ئالتە شەھەرنىڭ مەنسەپدار ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىنى ئۇچتۇرپانغا قاراشلىق قىلىپ قويغان ئىكەن. يۇقۇرقى ۋەقەدىن كېيىن ئۇلۇغ خان ئۇچتۇرپاندىن قايتىپ، ئادەملىرىنى قىرغىن قىلىپ، تامامەن يوق قىلىپ، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ، كۆچىمەن قىلىپ ئولتۇرغۇزغان ئىكەن. بۇ ۋەقەدىن بۇرۇن بۇ جاينىڭ نامى ”ئۇچ“ ئىكەن. شۇنداقلا تېخىمۇ ئىلگىرىكى زاماندا، بۇ جايدا بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكتىن، مەنسۇرخان (144) بۇ جاينىڭ ئادەملىرىنى بىر قېتىم قىرغىن قىلىپ، كونا تۇرپاندىن ئادەم ئەپكېلىپ ئاۋات قىلغان ئىكەن. شۇڭلاشقا ”ئۇچ“ دېگەن سۆز ”تۇرپان“ سۆزى بىلەن قوشۇلۇپ ”ئۇچتۇرپان“ ياكى ”ئۇشتۇرپان“ دەپ ئاتالغان ئىكەن. بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن بولسا ئۇچتۇرپان يەتتە شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك شەھەرلەرنىڭ بىرى قىلىنغان ۋە مەنسەپدارلىرىنىڭ دەرىجىسىمۇ پەسەيتىلگەن ئىكەن. خان، ئامباننى بولسا ياركەنتتە تۇرسۇن دەپ يارلىق قىلىنغان ئىكەن. شۇڭلاشقا ئۇچتۇرپان خەلقى ھېلىمۇ ”كۆچىمەن“ دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، ئۇ ھەقىقى پادىشا ئاللا كۆچىمەندىن بۆلەك شەھەرلەرنى ئۆز مۇھاپىزىتى ئىچىدە ئاسراپ، ئۇلارنى خۇددى ئۇچتۇرپان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەقەلەرگە ئوخشاش ھادىسىلەردىن ساقلىدى. ئەي ئىلاھى پادىشا، ھەر يۇرت ۋە ھەر شەھەرنىڭ ئادەملىرىنى، سېنى نىقاپ قىلىپ پادىشا تونىنى كىيگەن مەجازى ئادەملەرنىڭ غەزەپ ئوتلىرىدىن زۇلۇم ـ جەۋرىلىرىدىن ساقلاپ، ئۆز پاناھىڭدا ئاسرىغايسەن ـ ئامىن!

لېكىن، بۇ نۆۋەتتە سەئىد غازى خىتىپ خوجام ئۇچتۇرپاننى پەتىھ قىلىپ، زۇلۇم ئىشىگىنى تاقاپ، ئادالەت بابىنى ئېچىپ، شەرىئەت مۇستاپاۋىيەنىڭ شەرىئەت نىزاملىرى ۋە ناماز تەھىيەلىرىنى كۈچلۈك راۋاجلاندۇرۇپ ۋە گۈللەندۈرۈپ، پۇقرا ـ خالايىقنى ياخشى يولغا باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئامانلىغىنى ساقلاش ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىپ تىرىشتى. خوجا ۋە سەيىتلەرنىڭ ھەممىسى دىن ھۆكۈمرانلىغى مەيدانى ۋە ئادالەت سەھنىسىنى ئىگىلەپ، توغرا يولنى قولىدا مەھكەم تۇتۇپ ئىلگىرىلىدى. چۈنكى، خوجاملارنىڭ ھەممىسىلا ياشتا چوڭ ۋە ئابرويدا زىيادە ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار گەرچە پەلەكنىڭ كاجلىغى ۋە نەسلىگىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنە ناھايىتى تېزلا يۇقىرى سانائەتكە ئېرىشتى. ئەگەر خۇداۋەندەكېرىم شەرىئەت پانا ئەنبىيا ـ مۇرسەللەرگە، پەزىلەتلىك ۋە توغرا يوللۇق ئۇلۇغ ئەۋلىيالارغا، رەھىمدىللىق ۋە قۇدرەتلىك ماشايىخلارغا ھەم ئاللانىڭ رازىلىغىغا ئېرىشكەن ئالى دەرىجىلىك پادىشالارغا شانۇ ـ شەۋكەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە ۋە تەقدىر قىلماقچى بولسا، ئۆزىنىڭ ھېكمىتى ئارقىلىق ئۇلارنى ئالدى بىلەن ئېغىر ھىجران ۋە خارۇ ـ زەللىمگە مۇپتىلا قىلىپ، جاھاننىڭ ئىسسىق ۋە سوغاقلىرىنى كۆرسىتىپ، مېھنەت ۋە مۇشەققەتلەرنىڭ قايغۇسىنى تېتىتىپ، ئاھۇ ـ نادامەت تۇزىقى تۇپراقلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ، پۇيشايمان ئوتى بىلەن پىشۇرۇپ، خار ۋە بېئىتۋار كوچىلاردىن ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن كېيىن ئالى دەرىجە ـ دەرىجە ئىززەت ۋە ھۆرمەت ئەۋجىگە قەدەممۇ ـ قەدەم چىقىپ، بەزىلىرىنى ئۆزىگە ھەقىقى يېقىن دەرىجىگە كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەھبۇبى ۋە قوبۇل تۇتقان بەندىسى قىلىدۇ. بەزىلىرىنى بولسا تەخت ـ سەلتەنەتتە ئولتۇرغۇزۇپ، قەدىر ـ مەنزىلىنى پەلەك دەرىجىسىدىنمۇ يۇقىرى ئۆرلىتىپ، ئۇلۇغلۇق سۈپىتىنىڭ سايىسىنى يايىدۇرۇپ، ھەقىقى پادىشالىق دەرىجىسى ۋە دۆلىتىنى ئىلتىپات قىلىپ، دۆلەت ئاپتىۋى شولىسىنىڭ ئاغامچىسى بىلەن زۇلۇم قۇدۇغىغا چۆككەن زۇلۇمكەش ئاجىزلارنى تارتىپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت سايىسى بىلەن پەرۋىش قىلدۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، «ھەدىس شېرىپ» تە ”پادىشالار خۇددى قوينىغا ئوخشاش بولۇشى ۋە ئۆز خەلقىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم“ دەپ يېزىلغان. ھەرقانداق قوينىچى قوينى ئوبدان بېقىپ، ئوبدان خەۋەر ئالسا، قويلار سېمىز بولىدۇ، قوي كۆپىيىدۇ، قوينىچىنىڭ مەنپەتىسىمۇ ئاشىدۇ. ئەگەر قوينى ئوبدان خەۋەر ئالماي، بىپەرۋالىق قىلسا، قوي ئىگىسى قويلارنى يەنە باشقا ئوبدان قوينىچىغا تاپشۇرۇپ، ئىلگىرىكى قوينىچىنى ئالدىدىن ھەيدىۋېتىدۇ، جۈملىدىن، ئەگەر ھەرقانداق پادىشا پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالسا، ئۇنىڭ دۆلىتىنى ئارتۇق، مەرىتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىپ، يۇرتلىرىنى ئاۋات ۋە مەمۇر قىلىدىكەن. ئەگەر ئۇ بىپەرۋالىق قىلىدىكەن، مۈلكى ئالەمنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسى بولغان ئاللا، ئۇنىڭ مەمىلىكىتىنى يەنە بىر پۇقراپەرۋەر مەخلۇققا تاپشۇرىدىكەن. چۈنكى، بىر زالىم مىڭ بۆرىدىن بەتتەر ياماندۇر. مەمىلىكەت بولسا ئادالەتلىك بىلەن ئاۋات ۋە زۇلۇم بىلەن خاراپ ـ ۋەيران بولىدۇ. سۆزنىڭ ھاسىلى، سەئىد غازى خىتىپ خوجام ئۇچتۇرپاندا ئۈچ ئاي مىقدارى تۇرۇپ قالدى. قەشقەردە سىدىق بەگ قىپچاق دېگەن باش كۆتۈرۈپ ئىستىلا تاپتى دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى ۋە قەشقەرگە بېرىشنى پىلانلىدى.

6

سەئىد غازى خىتىپ خوجام ۋە توغرا يوللۇق پەرۋەنتى ھامىددىن خوجاملار قەشقەرنى پەتىھ ۋە تەسىررۇپ قىلىشنى تاما قىلىپ لەشكەر تارتىقىنى ۋە يولدا بولغان ۋەقەلەر ئەھۋاللىرى، خوجاملار ساددىلىق قىلىپ سىدىق بەگكە گىرىپتار بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت خالاسلىغىغا مۇيەسسەر بولۇپ، ئۆزماكانىغا مۇراجىئەت قىلىنغانلىغى ۋەقەلىرى بايانى

دىل كۆزى بىلەن كۆرىدىغان ئەرباپلار ۋە بىلىم خاتىرىلىك دوستلارنىڭ يورۇق دىللىرىغا رۇشەن ۋە ئاياندەك بولغايكى، سەئىد غازى خىتىپ خوجام شۇ يىلى جامادىلاخىرنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى ـ ت) قەشقەرنى پەتىھ ۋە تەسىررۇپ قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىقىپ، ئۆي ـ خەرگاھلىرىنى ۋە چېدىر ـ بارگاھلىرىنى ئوت بېشى دېگەن جايغا تىكىپ، ھامىددىن خوجامنى ئىككى (مىڭ) لەشكەر بىلەن چاپاۋۇل قىلىپ ئالدىدا ئەۋەتتى. ئىككى كۈندىن كېيىن، بىر مىڭ بەش يۈز مەھرەم، ياساۋۇل بىلەن زەپەرگە ئاتلىنىپ، مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يۈرۈپ، قارا بۇلاق دېگەن مەنزىلگە بارغاندا، نىيىتى بۇزۇلغان بىر قانچە باشباشتاق قىرغىزنى ئولجا ـ ئەسىر قىلىپ، جازاسىنى بەردى. بۇ چاغدا، ئاقسۇنىڭ ھاكىمى سەئىد بەگ جام جېڭىدىن جېنىنى جايلىپ، قەشقەرگە قېچىپ، ئاكىسى قۇتلۇق بەگنىڭ ئالدىغا بارغان ئىدى. قۇتلۇق بەگ بۇ چاغدا قەشقەرگە ھاكىم ئىدى. سەئىد بەگ ئاكىسىنىڭ مەسلىھەتى ۋە مەنسەپدار ئامبانلارنىڭ كېلىشى بىلەن قاخشال يولىنى بويلاپ، ئىلى جاڭجۈنىگە خەت ئېلىپ، ياردەمچى چېرىك ئېلىپ كېلىشنى نىيەت ۋە مەقسەت قىلىپ يولغا چىققان ئىكەن. بۇنى بىر قانچە قىرغىز تۇتۇپ كەلدى. ھامىددىن خوجام ئۇنىڭ تەن ـ ۋۇجۇت خامىنى كۈلكە سورماقچى بولۇپ تەييارلانغاندا، قۇل ئاستىدىكى دۆلەت ئەركانلىرى سەئىد بەگنىڭ قېنىنى تىلەپ ئىلتىجا ۋە ئىلتىماس قىلدى. ھامىددىن خوجام ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى بارلىق گۇنالىرىغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ، ئەمىرلىك (ئەمىرلىك ـ ت) مەنسۈبىنى بېرىپ، سەئىد بەگنىڭ ئۆگىچىسى ئىسمائىل كوتۋال ناملىق بىر كىشىنى توغقا قان قىلدۇرۇپ (قەسەم ئىچكۈزۈپ ـ ت)، مەقسەت مەنزىلى بولغان قەشقەرگە ماڭدى. بۇلار ئۈستۈن ئاتۇشقا بېرىپ، ئەتىسى قەشقەرگە كىرىمىز، قۇتلۇق بەگ بولسا مۇسۇلمان ۋە بىز بىلەن بىر يەرلىك، شۇڭلاشقا ئۇ تەرەپتىن قۇتلۇق بەگ، بۇ تەرەپتىن بىز ھۇجۇم قىلىپ، سىدىق بەگ قىپچاقنى ئوتتۇرىدىن كۆتۈرىمىز دەپ خام خىيالنى ئوت قالماي پىشۇرۇپ، بۇنى چىشىسىز ـ ئېغىزسىز نادان دىل تەسىۋۇرىدا چايناپ لەززەتلىنىپ خوش بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ئۈش ـ تۈمتۈت قەشقەر تەرەپتىن بىر ئۇلۇغ توغ نامايان بولدى. يۇقۇرىدىن سىنچىلاپ قارىسا، توغنىڭ كېيىنىدىن نۇرغۇن قوشۇن ئۇچۇق كۆرۈندى. بۇلار ئىلاجىسىز جەڭگە كىرىشتى. ئۇ تەرەپ ـ تىن قىپچاقلار كېلىپ، ئۆزئارا قاتتىق جەڭ باشلاندى. ئىككى تەرەپتىن بىرمۇنچە ئادەم زىيان بولدى. بۇ چاغدا سىدىق بەگ تەرەپتىن ئادەم كېلىپ، ”خوجاملار بىلەن ئۇرۇشماي، تىنچلىق ۋە ياخشىلىق بىلەن شەھەرگە تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلىڭلار، ھەرقانچە بولسىمۇ، ئۇلار ئىسلام ئاچقان سەئىد غازىلاردۇر ۋە يۇرتىمىزغا كەلگەن مېھمىنىمىزدۇر“ دېگەن خەۋىرىنى يەتكۈزدى ۋە ئالدىغا ئادەم چىقىرىپ ئىلتىجا ۋە ئىلتىماس قىلىپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن شەھەرگە چۈشۈردى. ياخشى مۇلايىمىلىق بىلەن نۇرغۇن زىياپەتلەرنى قىلىپ، خىزمەتكار ئورنىدا تۇرۇپ ئۆزرە ـ مۇئەززىرەتلەر قىلدى. لېكىن، لەشكەرلەرنىڭ ئات ـ ئۇلاغلىرىنى تارتىۋالدى. خوجاملارنىمۇ ئات ـ ئۇلاغ ۋە چېدىر ـ بارگاھلىرىدىن ئايرىپ، كەڭرى ۋە خوش ھاۋالىق بىر ھويلىدىن ماكان تەييارلاپ بەردى. خىزمىتىگە ئادەملەرنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى جان ـ دىلى بىلەن ئادا قىلدى. ئەمما، ئۇلارنى ئاتلىنىپ چىقىشقا يول قويمىدى ۋە كىشىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرمىدى. شۇ ھالەت ۋە رەۋىشتە توققۇز كۈن ئۆتتى. سىدىق بەگنى شۇ كۆرگىنىچە يەنە كۆرمىدى ۋە كۆرۈشەلمىدى.

ئاقىۋەت قەشقەرنىڭ ئارىسىدا سۇلھى ۋە مۇرەسسە قىلىپ، خوجاملارنى قەشقەرنىڭ ئىشلىرىغا دەخلى قىلمايدىغان ۋە ئارىلىشمايدىغان، سىدىق بەگنىمۇ ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپان تەرەپكە بارمايدىغان قىلىپ، ئەھدى ـ پەيمان قائىدىلىرى ۋە ئانت ـ ئىمانلارنى چىڭ ۋە مۇستەھكەم قىلىپ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق قائىدە ـ رەسمىيەتلىرىنى يېگۇۋاشتىن چىڭىتىپ، ئالاھىدە قول باغلىشىپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كۆپ ياخشى ۋەدىلەرنى قىلىشىپ، بىر بىرىنىڭ تەلەپىگە ماقۇل بولۇپ، دوستلۇق قائىدىسىنى باشتىدىن تىكلىدى. خوجاملارنىڭ ئات، ئۇلاغ ۋە چېدىر ـ ئۆيلىرىنى بېرىپ، تولا ئۆزرە ـ خالىقلارنى قۇيغان بولۇپ مۇناسىپ تون ـ سەرۇپالارنى كىيدۈرۈپ، لەشكەرلىرىنىمۇ ئات، ياراقلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ، مارالۋېشىدىن ئۆتمەيدىغان قىلىپ، چوڭ يول بىلەن ئاقسۇ تەرەپكە راۋان قىلدى. خوجاملارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئامان ـ ئېسەن قۇتۇلغانلىغى ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ شۈكۈرى قىلىپ، ماھى رەجەپ ئېيىنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنى (مىلادى 12 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ـ ت)ئۆز ۋەتىنى ـ مەئۋايى ئۇچتۇرپانغا يېنىپ كەلدى، بۇ ئەقرەپ پەسلى ئىدى. قىشنى ئۇچتۇرپاندا ئۆتكۈزدى. يۇرتدارلىق ئىشىنى كىچىك ئوغلى مەھمۇددىن خوجامغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشماي، كۈننى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ باھارغا ئولاندى.

7

سەئىد غازى خىتىپ خوجام ۋە ئۇنىڭ كۆز قارىچۇغى ھامىددىن خوجام ھەم شەيخ نەزىرىدىن خوجاملار ياركەنتنىڭ غازات پەتىھنى قارار قىلىپ ئاتلانغىنى ۋە مەقسەت گۈلى ئۆز جامالىنى كۆرسەتكىنى، لېكىن زامان ھادىسىلىرىنىڭ توسقۇنلۇغى تۈپەيلىدىن بىرمۇ گۈل ئۈزەلمەي ئۆز ۋەتەن ـ يۇرتلىرىغا قايتقانلىغى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

مەقسەتكە يەتكەن دوستلار ۋە مەقسەتنىڭ لەززەتلىك مېۋىسىنى يېگەن بۇرادەرلەرنىڭ ھەققانى كۆڭۈللىرىگە ئاشكارا بولۇپ، مەخپى ۋە ئېتۋارسىز قالمايكى، مۇنداق بىر قىسسە ۋە ئەپسانىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، شەيخ نەزىرىدىن خوجام كۇچاردىن تۆت مىڭ بەش يۈز ئەسكەر بىلەن بىللە ياركەنت غازاتىغا يولغا چىقىپ، ئاقسۇدىنمۇ بىر مىڭ بەش يۈز لەشكەر ئالدى. خىتىپ خوجام ئۇچتۇرپاندىن بىر مىڭ بەش يۈز لەشكەر بىلەن كەلدى، جەمئى يەتتە مىڭ لەشكەر ۋە توپ ـ زەمبىرەك، ئوق ـ دورىلار بىلەن ئاتلىنىپ، مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يۈرۈپ، مارالۋېشىغا باردى. مارالۋېشىدا ئىككى مىڭچە خىتاي، تۇڭگانى ـ خۇيجالار بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى قورال ـ ياراقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ تەسىلىم بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئامان ـ شېرىپىگە لايىق ۋە سازاۋەر قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇردى. خوجاملار ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تەلقىن ـ شاھادەت ئۆگىتىپ، ئىسلام شېرىپىگە ئىگە قىلدى. ئۇلارنىڭ قورال ـ ياراقلىرىنى ۋە ساگدىكى ئاشلىقلىرىنى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، يېڭى مۇسۇلمان بولغان بۇ خىتايلارغا ۋە تۇڭگانلارغا مادالويە دېگەننى چوڭ قىلىپ، تىنچلىق ئورنىتىپ خاتىرجەم بولۇپ ياركەنت تەۋەسىگە يېتىپ باردى.

لېكىن بۇ چاغدا ياركەنتتە ئابدۇل راخمان ھەزرىتىم بىر تەرەپ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلارنىڭ ئىمامى ئۆز پەرمانلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ھەم خىتايلار بولسا ئۆز شەھىرىدە مۇستەھكەم سېلىنىپ تۇرغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن خوجاملار بىلەن ئابدۇل راخمان ھەزرىتىم ئوتتۇرىسىدا جەڭ ـ جېدەل پەيدا بولدى. ئاقىۋەت جانابى ھەزرەت چەتكە چىقىپ، بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقنى لازىم تۇتتى. لېكىن خوجاملار بىلەن تۇڭگانلار بەزىدە ئىتتىپاق، بەزىدە نائىتتىپاق بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ياركەنتلىك نىياز بەگ ئىشقا بەگ باش بولۇپ، بىر قانچە ئادەمنىڭ ئىسمىنى غايىپتىن يېزىپ، قەشقەردىكى ياقۇپ بەگ قۇشبېگىنى ياركەنتكە تەكلىپ قىلىپ خەت ئەۋەتتى.

ياقۇپ بەگ قۇشبېگى خەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۈمىت بىلەن بىر قانچە يىگىت (ئەسكەر)نى ئېلىپ ياركەنتكە كەلدى. خوجاملار بىلەن تۇڭگانلار ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇنىڭغا قارشى جەڭ باشلىدى. بۇلار بەزىدە غەلىبە قىلىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، بىر مۇناپىق قىپچاق خىتىپ خوجامنىڭ كېيىنىگە ئۆتۈپ دولىسىغا قىلىچ ئۇرۇپ زەخمىلەندۈردى. خوجام ئارامسىزلاندى، ياقۇپ بەگ غەلىبە قىلىپ ياركەنتنى ئالدى، ھامىددىن خوجام بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ سەۋر ـ تاقەت قىلالماي، ھىممەت ۋە شىجائەت كۆرسىتىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى مەھكەم ئېتىپ ئۇرۇشۇپ، ياقۇپ بەگنىڭ نۇرغۇن ئادىمىنى ھالاكەتكە يەتكۈزدى. قۇشبېگىنىڭ سىپاھلىرى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي، جان غېمى ۋە ئەندىشىلىرىدىن قورقۇپ، سېپىلدىن ئات سەكرىتىپ چۈشۈپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ قاچتى ۋە بىر قانچىسىنىڭ قول ـ پۇتلىرى سۇنۇپ يارىدار بولدى. لېكىن بىر دەرۋازا ئۇچۇق قالغان ئىكەن. قۇشبېگى جېنىنى جايلىپ قېچىپ چىقىپ، قاراڭغۇدا خەندەككە چۈشۈپ كېتىپ، ئاتتىن ئاجراپ قالغاندا، مۇھەممەت بابا دەھباشى (ئون بېشى ـ ت) دېگەن ئادەمگە ئۇچراپ، ئۇنىڭ ئېتىغا مىڭگىشىپ، ناھايىتى مۇشەققەت بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئالدى ـ دە، قەشقەرگە كەتتى. ياقۇپ بەگ قۇشبېگى ھامىددىن خوجامغا باراۋەرلىك قىلالماي قېچىپ كېتىۋېتىپ ”ئاتىدىن ئوغۇل توغۇلسا ھامىددىن تۆرەدەك توغۇلسا ئىكەن“ دەپ، ئۇنىڭ شىجائەت ۋە ھىممىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. ھامىددىن خوجام بولسا قۇشبېگى مىنىدىغان ئارغىماق ئېتىنى، ئىگەر ـ توقوم ۋە ھەممە جابدۇغىنى ئولجا ئېلىپ ئۇچتۇرپانغا كەلدى.

ئاخىرى خوجاملار بىلەن تۇڭگانلار ئىتتىپاقلىشىپ، ياركەنت شەھىرىنى تامامەن قولغا كىرگۈزۈشكە تەييارلاندى. شەھەر ئىچىدىكى خىتايلار ھېچ ئادەمگە باش چىقارغۇزمايتتى ۋە كۆزىگە كۆرۈنۈپ قالسىلا يوق قىلاتتى، ئوقى زادىلا زايا كېتەمەيتتى. ئەگەر مۇسۇلمانلار ئوق ئاتىدىغان بولسا، سېپىلنىڭ قۇتتىلىرى دالدا بولۇپ، چارىسىز قالاتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى مۈلۈك ۋە مېۋىسىز دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى مەجبۇرى كەستۈرۈپ كېلىپ، شەھەرنىڭ بىر قانچە تەرىپىگە ئېگىز ياغاچ پوتەي باغلاپ كۆزىتىش ئورنى ياسىدى. بىرنەچچە يەردىن لەخمە كولاپ، يەر ئاستى بىلەن كىرىپ سېپىل ۋە پوتەيلەرنىڭ ئاستىدىن توغرىسىغا دورا قويۇپ ئوت تۇتاشتۇردى. دورا كۈچى سېپىلنىڭ ئون غۇلاچ ۋە يىگىرمە غۇلاچ يېرىنى كۆتۈرۈپ ھاۋاغا تاشلىدى. خىتاي لەشكەرلىرى قۇم، تۇپراقلارنى قاپ، تاغارلارغا سېلىپ تەييارلاپ قويغان ئىكەن. ئىسلام لەشكەرلىرى يېتىپ بارغىچە قاپ، تاغارلارنى سېپىلنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىگە تىزىپ، بۇرۇنقىدەك قىلدى ۋە مۇسۇلمانلارنى تولا زىيانغا ئۇچراتتى. شەھەر پەتىھ بولمىدى. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن سەككىز ئاي ئۆتتى. خىتايلارنىڭ ئوق ـ دورا ۋە ئوزۇق ـ تۈلۈكلىرى كۆپ ئىكەن. ئۇلارغا تەگلىك قىلغىلى بولمايتتى. ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك تىمەن چېرىك ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەت بىلەن يېڭىدىن ئۇرۇش قىلاتتى.

بىرنەچچە كۆڭۈل ئەينىگى بىلەن يىراقنى كۆرەلەيدىغان، دانا ۋە ئىشەنچىلىك كىشىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرى خاقانى چىنى بۇ يەتتە شەھەرنى تەسىررۇپ قىلىپ شەھەر، شەھەر ئادەملىرىنى ھېساپلاپ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئالغان چاغدا، ياركەنتتە ئىشقا يارايدىغان تىمەن ياش ئەركىشىلەر ئوتتۇز ئىككى مىڭ، ئاقسۇدا ئالتە مىڭ، كۇچاردا ئۈچ مىڭ، قەشقەردە ئون ئالتە مىڭ، خوتەندە يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىكەن دەپ دەپتەرگە ئېلىنغان ئىكەن. ياركەنتتىكى خىتايلارمۇ ئوتتۇز ئىككى مىڭ مۇسۇلماننى، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئادەمنى يوق قىلىپ، ئاندىن ئۆزى يوق بولغان ئىكەن دەيدىكەن. خۇدا ھەققى بەلكى بۇ راست گەپتۇر.

گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، ياركەنتنى پەتىھ قىلىش مەقسىدى ئەنە شۇنداق قىيىن يوللار بىلەن ھەل بولدى. شەھەردىكى نەچچە مىڭ ئاشلىق، قورال ـ ياراق، ئوق ـ دورا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشتى. مۇبارەك بادلىق ساداسى ۋە ناغرا، كاناي ئاۋازى ئاسمان ـ پەلەككە يەتتى. لېكىن بۇ چاغدا، بىر تەرەپتىن تۇڭگانلار بىلەن مۇرەسسە پۈتمەي، بىر تەرەپتىن ئابدۇل راخمان ھەزرىتىم ۋە يەنە بىر تەرەپتىن غاپلىقتىكى جامالىددىن خوجا، ھەتتا ياركەنتتىكى ھەممە ھەزرەت ئىشان ۋە ساھىپ جاماللارنىڭ ھەر قايسىسى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ياركەنت ھۆكۈمرانلىغىدىن تەمە قىلىپ، ئۆزئارا ئىتتىپاق بولالمىدى. ھەتتا ياركەنتنى ئۆزلىرىنىڭ مۈلكىدە تۇتالمىدى ۋە ئەھتىيات قىلىپ ساقلىيالمىدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، خىتىپ خوجام ئىشان مىرغىياسىددىننىڭ نەۋرىسى مىرزا جانى پىررزادەم دەپ، ئۇنى باشقا ھەزرەتلەردىن قاچۇرۇپ، ئۇچتۇرپانغا مەخپى ئەۋەتتى. ئەگەر بۇنداق قىلمىغان بولسا، يەنە بىرمۇنچە ناھەق قان تۆكۈلگەن بولار ئىدى. يەنە بۇ چاغدا مۇھەممەت ئەلى خاننىڭ (بۇرۇن بايان قىلىنغان قوقان خانلىغىنىڭ پادىشاسى ـ ت) ئوغلى مۇزەپپەر خان كەشمىردىن ياركەنتكە كەلدى. بۇ ئىلگىرى كۇھىستان (145) تەرەپتە ياشايدىكەن. بۇ چاغدا، ئۇ بۇ تەرەپتىكى جىدەل ـ ماجىرالارنى ئاڭلاپ، ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، تىبەت داۋىنى ئارقىلىق ياركەنتكە كەلدى. ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى ۋە نام ـ نەسەپلىرىنى ئىزھار قىلدى. خىتىپ خوجام ئۇنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مۇناسىپ جاي ـ ماكانغا چۈشۈرۈپ، ئۆز لايىغىدا مائاش ـ تەمىنات بەلگىلىدى. لېكىن. بۇنىڭ ھەرىكەت ـ تەرەددۇتى باشقىچە ئىكەنلىگىنى بىلىپ ”بىزنىڭ ئۆلۈغىمىز كۇچاردا، شۇڭلاشقا كۇچارغا بېرىپ يارلىغىنى قوبۇل قىلسىلا“ دەپ ئادەم قوشۇپ، كۇچارغا يولغا سالدى. كۇچاردىكى خان خوجاممۇ ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ، تېگىشلىك تەمىنات بەلگىلەپ، مۇۋاپىق يەردىن خوتۇن ئېلىپ بەردى. شۇڭلاشقا، ئۇ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ تىنچىپ، ئۆزى خالىغان يەردە سەيلى ـ تاماخا قىلىپ، بۇ جايدا بىرنەچچە ۋاقىت ئىستىقامەت قىلىپ ياتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كورلىغا بارسام دەپ رۇخسەت بىلەن كورلىغا باردى. ياقۇپ بەگ غازى كۇچارنى ئالغان چاغدا تۇرپان تەرەپكە سەپەر قىلدى. بۇنىڭ ۋەقەسى كېيىنكى داستاندا بايان قىلىنىدۇ. (ئاللاھۇئەر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر!) ئىنشائاللا!

خىتىپ خوجام يەنە مەزكۇر جامالىدىن خوجامنى كۇچارغا ماڭدۇردى. ئاقىۋەت خوجاملار تۇڭگانلار بىلەن ئىتتىپاق بولالماي ياركەنتنىمۇ قولدا تۇتۇپ مۇھاپىزەت قىلالماي، ئۆز ۋەتىنى ئۇچتۇرپانغا قايتتى. بۇلارنىڭ يۇرتقا يېنىشىغىمۇ يەنە بىر قانچە سەۋەپ بار. بۇنىڭ بىرى شۇكى، تۇڭگانلارنىڭ سانى يىگىرمە بەش مىڭ بولۇپ، قورال ـ ياراقلىرىمۇ كۆپ ئىكەن. شۇڭلاشقا، خوجاملار ئاز ئادەم بىلەن كەلگەن ئىكەنمىز، ئېغىر جابدۇق قىلىپ كەلگىنىمىز تۈزۈك ئىكەن دەپ يانغان ئىدى. يەنە بىرى، نەزىرىدىن شەيخ خوجامنىڭ مىجەزى مۇقىم ۋە تۇراقلىق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ گۇيا ئۆزىنى ئىككىنچى ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگانى دەپ چاغلاپ، ياركەنتتىكى كاتتا ھەزرەت ئىشانلارنى، تۇڭگانى ئىماملرى باشلىق يۇرت ئىسىلزادىلىرىنى ئادەم ئورنىدا كۆرمىدى. بۇ ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا سەۋەپ بولدى. لېكىن سەئىد خىتىپ خوجام بولسا مىجەزى ـ شېرىپىلىرى نەپىس ۋە خۇش خۇي، خۇش پېئىللىق، خۇش مۇئامىلىلىك كىشى ئىدى. ياقۇپ بەگ قۇشبېگى بىلەنمۇ ئوبدان كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا مۇھەببەت ۋە يېقىن مۇناسىۋەت يىپىنى باغلىدى ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئەسىر ـ نەتىجىسىنى كۆردى. نەزىم:

ئەگەر پادىشا بولسا مۇلايىم سۇخەن،

كى مۇشكۈلنى ئاسان ئەيلىگەي ھاپىزى ھەي.

8

سەئىد جامالىددىن خوجام پادىشانىڭ ياركەنت ۋە قەشقەرنى ئېلىش ئارزۇ ـ تەلەپززاسى بىلەن بىر سەپەردە ئىككى شەھەرنى ئېلىش تەمەناسى يەنى ئىككى كېيىكنى ئوۋلاش قەستىدە داڭا ـ دۇمباق ئۇرۇپ مەغرۇرلىنىپ ئات چاپقىنى، بىرىنى ئوۋلاپ يەنە بىرىنى قەستىلەپ ئات چاپتۇرۇپ، ھەر ئىككى كېيىكتىن خالاسلىق دۆلىتىنى ھاسىل قىلىپ، بىر دىنلا ئېگىزگە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇۋاتقان يامان بۆركۈتنىڭ يىرتىقۇچ چاڭگىلىغا گىرىپتار بولغىنى ۋە ھەر ئىككى كېيىك مەشۇغىدىن مەھرۇم قېلىپ كۆڭلى مالال ۋە يېرىم بولۇپ ئۆزىنىڭ گۈزەل ۋە شادى ـ خورام ۋەتىنى ـ يۇرتىغا قايتىشى قاتارلىق ۋەقەلەر بايانى

ئاق كۆڭۈللۈك دوستلار ۋە چۇڭقۇر بىلىملىك ئەرباپلارغا مەخپى ۋە يېپىق قالمايكى، نەقىل ۋە ھېكايىلەرگە ئاساسلانغاندا، شەيخ نەزىرىدىن خوجاملار ياركەنتنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرالماي يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ھاكىمى جامالىددىن خوجام پادىشانىڭ ھىممەت ۋە جۈرئىتى جوش ئۇرۇپ، غەيرەت ۋە شىجائىتى قوزغىلىپ ”ئۆزەم ئاتلىنىپ چىقىپ ياركەنت ۋە قەشقەرنى پەتىھ ۋە تەسىررۇپ قىلىپ، قۇشبېگى دېگەننى تىرىك تۇتۇپ باغلاپ قول ئەسىر قىلىپ، ئۇنى ئىنسان گۇرۇھى كۆرمىگەن خارلىق ۋە زارلىقلارغا يەتكۈزۈپ، ئېتىمنىڭ ئالدىدا پىيادە ھەيدەپ ئېلىپ قالمىسام، نىزامىددىن خوجا شەيخنىڭ ئوغلى بولماي قالاي ۋە سېيىتلىگىممۇ بىكار بولسۇن“ دەپ چوڭ گەپلەرنى قىلىپ، ئاچچىق سۆزلەر بىلەن قەسەم ئىچتى. ئۇنىڭ ھەممە دۆلەت ئەركانلىرى ۋە خوشامەتچى نۆكەرلىرىمۇ ”ئەلۋەتتە شۇنداق. ئۆز يۇرتىدىن قېچىپ كەلگەن ئىگىسىز ئادەملەرنىڭ نېمە ئېتىۋارى بولسۇن“ دەپ ھەددېدىن ئارتۇق خوشامەت سۆزلىرىنى قىلدى. پۈتۈن قىش بويى قورال ـ ياراقلارنىڭ تەرەددۇتى ۋە ئات ـ ئۇلاقلارنىڭ غېمىنى قىلىپ باھارغا ئۇلاشتى. يەر يۈزىدىن ئوت ـ گىيالار بىخ ئۇرۇپ باش كۆتۈرۈپ چىققان باھار پەسلى كەلگەندە، ئۆز ئىنىسى جالالىددىن خوجامنى ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ۋاكالىتەن ئاقسۇ زېمىنى باشقۇرۇشقا قويۇپ تەييار بولدى. بۇ چاغدا كۇچار خوجىلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئەلىمى ۋە سەئىدىلەرنىڭ ئۇلۇغ پېشۋاسى بولغان ئاخۇن خوجام ئەلەم دېگەن بىر كىشى بار ئىدى. بۇ كىشى ئەللىك يىل ئەلەملىك مەنسۈبىنى ئۆتەپ، شەرىئەت شېرىپىنى راۋاجلاندۇرغان ۋە خاس ئاممىنىڭ مۇراجىمەتچىسى بولغان بىر مويسىپىت كىشى ئىدى. بۇ كىشى باش بولۇپ كۇچار، شەھيار لەشكەرلىرىنى باشلاپ كەلدى. سەئىد خىتىپ خوجام ۋە ھامىددىن خوجاملار ئۇچتۇرپان ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ كەلدى.

سەئىد جامالىددىن خوجام پادىشا سائادەتلىك زامان ۋە شەرەپلىك دەۋراندا، غەلىبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياق قويۇپ، ئاقسۇدىن موللا ئابدۇل باقى مۇپتى ئاخۇنۇم، قاسىم قازى بەگ، باقىش مىراپ بەگ ۋە مۇھەممەت شېرىپ بەگلەرنى، كۇچار بەگلىرىدىن ھەججى غەزنىچى بەگ، ياقۇپ دىۋان بەگ، موللاش مىراپ، ئاقموللا مىراپلارنى، ئۇچتۇرپان بەگلىرىدىن ئاق بەگ، مۇسا بەگ، قۇربان مىراپ، ئىبراھىم مىڭ بېگى قاتارلىق كارغا يارايدىغان ۋە ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ۋۇجۇدىدا ھىممەت ۋە غەيرىتى بار بەگ ۋە بەگزادىلەرنى ھەمرا قىلىپ ياركەنتكە ئاتلاندى. ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى يىگىرمە ئالتە مىڭ دەپ دەپتەرگە ئالدى. بازارچى، پىلتېرچى، قوشچىلار بۇ ھېساپنىڭ سىرتىدا ئىدى. بۇلار دۆلەت دەبدەبىسى ۋە سۆلىتى بىلەن يوللارنى بېسىپ، ياركەنتكە ئۈچ مەنزىل قالغاندا، ياركەنتنىڭ ئالى ۋە ئاھالىسى، ھەزرەت ئىشانلار، تۇڭگانى ئىماملىرى قاتارلىق چوڭ ـ كىچىك ئۇلۇغلار، مۆتىۋەر زاتلار توپ ـ توپ، گۇرۇھ ـ گۇرۇھ بولۇپ، سوغا ـ سالاملارنى ئېلىپ ئالدىغا چىقىپ، زەپەر ئۆزەڭگىلىرىگە يۈزىنى سۈرتۈپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئاللا دەرگاھىنىڭ ئالدىدا ئاجىز ۋە سۇنۇقلۇغىنى ئىپادىلەپ دۇئا قىلىشىپ، پەتىھ ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، خوجاملارنىڭ ئۆمۈر دۆلەتلىرىگە دۇئالارنى قىلىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، خىجالەتنىڭ قارا تەرلىرىگە غەرق بولۇپ، ئىلگىرى قىلىنغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ تۇردى. خوجاملار بۇنى بىلىپ شاھانە ئىنئام ۋە پادىشالارچە مەرھەمەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ گۇنالىرىنى كۆچۈرۈپ، دىل ـ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ، ھەممىسىنى خوش قىلىپ ئولۇغلاپ، دەبدەبە ۋە داغدۇغىلارنى قىلىپ، خوشاللىق بىلەن ياركەنت پايتەختىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى، مەيلى تۇڭگانلار بولسۇن ياكى ھەزرەت ئىشانلار بولسۇن، ئومۇمەن ھېچقانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىدە خوجاملارغا نىسبەتەن بىرەر غەيرى ئويلارنى ئويلاشقا كۈچ ـ قۇۋۋەت ياكى مادار يوق ئىدى. ھەممە ئەئىيانى ئەشىرەپلەر ئىتائەت بەلۋېغىنى مەھكەم باغلاپ، خوجاملارنى قۇت ـ مۇبارەكلەپ، شاھانە ناغرا، كانايلىرىنى ۋە سۇناي، دۇمباقلىرىنى چېلىپ، شادىيانە سادا ۋە ئاۋازلىرىنى ياڭراتتى.

ھەرقايسى يۇرتلاردىن توپ ـ توپ بولۇپ مۇبارەكلەشكە كەلگەن خالايىقنىڭ شاۋقۇن ئاۋازى بۇ خۇددى كۆك گۈمبەزدەك ئاسمان راۋېغىغا چىرماشتى. خوجاملار ئىنئام ئىشىگىنى ئېچىپ، ئادالەت كېڭىزىنى يايدى. قوي بىلەن بۆرە بىر كۆلچەكتە سۇ ئىچتى. لاچىن بىلەن كەپتەر بىر تاكچە ئۇۋىدا چۆجە چىقاردى. ئىنسان گۇرۇھى ۋە بەلكى ھەممە مەخلۇقات ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت مەدەن ـ جىسىملارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇپ يوقالدى. ئۈلپەت ۋە مۇھەببەت قائىدە ـ يوسۇنلىرى خۇددى قۇياش ئاپتىۋىدەك نۇرچاچتى. خوجاملارنىڭ ھالى رەۋىشلىرى يۇقىرى ئۆرلەپ، خالايىققا كۆپتىن ـ كۆپ ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا خاتىرجەم ئولتۇردى.

سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارزۇ ۋە مەقسەتلىرى قەشقەرنى پەتىھ قىلىش ئىدى. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئوزۇق ـ تۈلۈك تەييارلاش، لەشكەر، قورال ـ ياراق راسلاش ئىشلىرىنىڭ ئارزۇ ۋە ئىشتىياقى ئۇلارنىڭ دىل ئەينەكلىرىگە چۈشتى. ياركەنت تەۋەسىدىن كۆپ ئەسكەرنى يىغىپ، شەھەرپىلىك دەۋران ۋە سائادەتلىك زاماندا قەشقەرگە يۈرۈشنى پىلانلىدى. ياركەنت ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ئەلەم ئاخۇن خوجامغا تاپشۇرۇپ، مەمىلىكەتنىڭ بارلىق ئىشىدا ئۇنى ھاكىم مۇتلەق قىلىپ بەلگىلىدى. لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ھېساپلىدى. قوشچى، پىلتېرچى، بازارچى، مىراخورلاردىن باشقا يەتمىش ئىككى مىڭ مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانلارنى دەپتەرگە ئالدى. ئەسكەرنىڭ كۆپلۈگىدىن پۇش ـ پۇش دېگەن ئاۋازلار، كوچا ـ بازارلاردا تاماخا قىلىپ قاراپ چۆرىدەپ ساقلاپ تۇرغۇچىلار ۋە ئەسكەرگە ماڭغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇققانلىرىنىڭ ”يول بولسۇن“ دېگەن پاتىھە ساداسى، كاناي، سۇناي، داڭا ـ دۇمباقلارنىڭ پەريات ئاۋازى، مۇغەننىلەرنىڭ ئايرىلىش ئالدىدا ئوقۇغان ئاھ ـ نالە جان سۆزلىرى ۋە ئوتلۇق غەزەل، مۇقام جىگەر سۆزلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن لەشكەرلەرنىڭ ئات ئاياقلىرىدىن چىققان چاڭ ـ توزاڭلار بولسا بۇ چاڭ ـ تۇپراق ئالەمىدىن ئاسمانى پەلەككە ئۆرلىدى. بۇ ھال گۇيا كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزىنى كور، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس قىلدى، ئەقىل ـ ئىدەرەك ھېسسىياتلىرى ئۆزىنىڭ ھېسسى قۇۋۋەتلىرىدىن ئاجراپ چىقىپ توختاپ قالدى، گۇياكى قىيامەت كۈنىدىكى يىغىلىش مەيدانىدىن بىر نەمۇنە ۋە ئەرسات غەۋغالىرىدىن بىر نىشانە ئاشكارا پەيدا بولغاندەك بولدى.

تارىخ ھىجرى بىرمىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچىنچى يىلى جامادىيەل ئەۋۋەلنىڭ ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 1866 ـ يىل 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى ـ ت) ئىدى. خوجاملار قورال ـ ياراقتىن باشقا يەنە ئىككى يۈز ھارۋىدا غول زەنجىر كىشەنلەرنى ئېلىپ ”قەشقەرگە بارىمىز ۋە بۇ جاينى ئالىمىز، قىپچاق، ئەنجانلىقلارنى قول ئەسىر قىلىپ، غول زەنجىرلەر بىلەن مەھكەم باغلاپ ئېلىپ كېلىمىز“ دەپ خام تامالارنى ئوت ياقمىغان قازانغا سېلىپ تەييارلاپ پىشۇرۇپ، چىشى يوق قۇرۇق ئاغىزىدا چايناپ لەززەتلىنىپ، خوش بولۇپ ماڭغان ئىدى. ئەمما خوجاملار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەرقانداق دەۋر ۋە زاماندا، بۇنداق كۆپ ئەسكەر توپلىنىپ ئاتلانغان ئەمەس ئىدى. ھەتتا بۇ ئەھۋال كېيىنكى كۈنلەردىمۇ بولۇپ باقمىدى. ئالەمنى ياراتقان ھەممىتىلىك ئاللانىڭ پەزىل ئىنايىتى بىلەن سەئىد جامالىددىن خوجام پادىشا رەڭمۇ ـ رەڭ شاھانىلىق كىيىمىنى ۋۇجۇسىغا كىيىپ، شاھى تاجىسىنى بېشىغا قويدى ۋە ئىسپاھان قىلىچىنى قۇۋۋەتلىك بېلىگە باغلىدى. ياخشى ئاتقا مىنىپ، چوڭ سۆلەت ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن جابدۇنۇپ تەييارلىنىپ، يولغا تىكىلگەن بويى زەرگاھ ۋە چېدىر ـ بارگاھلىرىغا چۈشتى. بۇ يەردە ئىككى كۈن ئارام ئېلىپ، چوڭ ـ كىچىك ئەسكەرلىرىگە ئۆز لايىغىدا خىراجەت ۋە تون ـ كىيىملەرنى بېرىپ، ئۈچىنچى كۈنى ئارزۇ ۋە مەقسەت تەرەپكە قەدەم تاشلاپ ، ئاستا ـ ئاستا يۈرۈپ خانئېرىق تەۋەسىگە پادىشاھانە بارگاھىنى تىكلەپ، ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقا ۋە ئالدىنى رەتلىك مۇلاھىزە قىلىپ ”ئەگەر ياقۇپ بەگ قۇشبېگى بۇنچىلىك نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ كەلگىنى بىلسە، ئىختىيارسىز قەشقەردە تۇرالماي، ئۆزىنى تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئېلىشى ۋە قەشقەر ئەھلى ئاتنىڭ ئايىغىدا قېلىشى ئېھتىمالى بار“ دەپ، ئەسكەرنىڭ كۆپلۈگىنى تەكلىپ ـ يۆلەنچۈك قىلدى. لېكىن، مۈلۈك ئىگىسى بولغان خۇداۋەندەكېرىمنىڭ كامالەت ـ قۇدرىتىنى تەكلىپ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالدى. ھەتتا بۇ پەلەكنىڭ خىلمۇ ـ خىل خىيالىنى ئويلاپمۇ قويمىدى. بۇ ئەڭ بۈيۈك ئالەم ئىگىسىنىڭ زاۋال ئاقىۋەتكە يەتكۈزۈشىدىن تامامەن خەۋەرسىز ئىدى.

دەل مۇشۇنداق چاغدا يېڭى ھىسار تەرەپتىن بىر توغ نامايان بولدى. توغ ئىچىدىن ھەر خىل ئەلەم ـ بايراقلار كۆرۈندى. سەپسېلىپ قاراپ تۇرسا، كۆرۈنگەن بۇ توغ ئەلەملەرنىڭ ئىچىدىن قۇشبېگىنىڭ قوشۇنى ئايان ۋە ئاشكارا بولدى، ھەر تەرەپكە قويغان ئىراۋۇلچى ۋە قاراۋۇلچىلار يېتىپ كېلىپ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىنى مەلۇم قىلدى، جامالىددىن خوجام ”قۇشبېگىنىڭ يىگىتى ئاز، بىز بولساق كۆپ“ دەپ لەشكەرلىرىنى ئوڭ ۋە سولغا بۇيرۇپ ”ئىككى تەرەپتىن خۇددى ئەجدىھادەك باش تارتىپ، قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، ئۇلارنى تاش سېپىلىدەك مۇھاسىرىگە ئېلىپ سەپنى ئۇيۇشتۇرۇڭلار، ھەركىم قولىغا چۈشسە تىرىك ئېلىپ كېلىڭلار“ دەپ پەرمان ۋە ھۆكۈم قىلىپ، ئۆزى ئوتتۇرىدا خاتىرجەم تۇردى. دەرۋەقە بۇ قوشۇنغا قارايدىغان بولسا، قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرى گۇيا ئاسماندىكى بىر توپ پەرۋىن (ئۆكەر ـ ت) يۇلتۇزىغا ئوخشايتتى. خوجاملارنىڭ يىگىتى بولسا يەتتە قات ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇزنىڭ سانى باراۋېرىدەك كۆپ ئىدى. شۇ كۈنلەردە گۇلاپنىڭ ئولۇغى ھەمراخان دېگەن ئىككى يۈز ئەللىك كۈچلۈك جەڭگىۋار ئادىمى بىلەن خوجاملارغا ياردەمگە كەلگەن ئىدى. خوجاملار ”بىزگە غەيرى يۇرتلارنىڭ ئادىمى كېرەك ئەمەس“ دەپ چەتكە قاقتى. ھەمراخان نائۈمىت بولۇپ قۇشبېگىگە ياردەم قىلىپ، نۇرغۇن ئىشنى قىلدى.

لېكىن، قۇشبېگى خوجاملارنىڭ يىگىتىنىڭ كۆپلۈگىگە قاراپ ئەندىشە قىلىپ، ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئازلىغىنى، پەمىلەپ، ئاللا دەرگاھىغا تەۋەككۈل قىلىپ، يىگىتلىرىنى توپ ـ توپ قىلىپ ھەر تەرەپكە قوشلىدى. ئابدۇللا ناملىق بىر پانسەت باھادۇرلىرىنى باشلاپ، خۇددى بالا ـ قازا ياغدۇرىدىغان قىياپەتتە كېلىپ، خوجاملارنىڭ لەشكەرىگە ئۆزىنى ئۇردى. خوجاملارنىڭ ئىككى قانات قوشۇنلىرى ئارىلىغىدا توپ ـ زەمبىرەكلەر بىلەن توپلىشىپ تۇرغان تۇڭگانلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، يەنە كېيىنگە ياندى. يەنە بىر تەرەپتىن غازىبەگ پانسەت، ئەزىز بەگ جاللاتلار چەپ تەرەپتىن ئات ئوينىتىپ كېلىپ ئۇرۇش مەيدانىدىكى جەڭ ۋە قىرغىنچىلىق مەركىزىنى ئەۋجىگە يەتكۈزدى. ئابدۇللا پانسەت ئىككى ـ ئۈچ نۆۋەت جەۋلانبازلىق قىلىپ ئارقىغا چېكىنىپ تۇرغان بىر ھالەتتە، خوجاملارنىڭ لەشكەرلىرى چەپ قول تەرەپتىن زەربىگە ئۇچراپ ئارقىغا چېكىندى. بۇ ئارىلىقتا بىرمۇنچە ئادەم ھالاك بولغانلىغى ئۈچۈن ”ئارقىغا يېنىڭلار، قاچىڭلار“ دېگەن ئاۋازنىڭ ساداسى كەلدى. خوجاملار ئىلاجىسىز بولۇپ ۋە ”ھەدىس شېرىپ“ تە كۆرسەتكەن ”كۈچى يەتمەي چىداشلىق بېرەلمىگەن چاغدا، قېچىشقا تېگىشلىك بولسا پەيغەمبەرنىڭ يولىدۇر“ دېگەن سۆزىنى ئۆزلىرىگە لازىم ۋە ۋاجىپ دەپ ھېساپلاپ، قوش پىلتېرلىق قورال ـ جابدۇقلار ھەم چېدىر ـ بارگاھ ۋە باشقا قورال ـ ياراقلىرى، يېمەك ـ ئىچمەكلىرى، مال ـ دۇنيا غەزىنە قاتارلىق خىلمۇ ـ خىل ئەشيايلىرىغا قارىماي، ئات قامچىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇرۇپ، ئاقسۇ يولىغا قاراپ مېڭىشنى ئىختىيار قىلدى، نەزىم:

پاراكەندە لەشكەر قولىدىن ئىش كەلمەگەي،

ئىككى يۈز مەردانە جېڭى ياخشىراق يۈز مىڭدىن.

بۇ ھال ئاللانىڭ قۇرئانى كېرىمدە يېزىلغان «ئاللانىڭ ياردىمى ئاستىدا ئاز سانلىق قوشۇن ھامان ئۆزىدىن كۆپ سانلىق بولغان قوشۇننى يېڭەلەيدۇ» دېگەن ئايىتى مەزمۇنىغا بەكمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. خوجاملار ئىككى يىل ئىچىدە ئاقسۇ، كۇچار، ياركەنت، ئۇچتۇرپان ۋە كورلىغىچە بولغان يۇرتلارنىڭ خىراجىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پۇل ھەم جېنى بىلەن تەييارلانغان ئۈسكۈنە ۋە قورال ـ ياراقلارغا ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، ئەقەللى ئىككى سائەتمۇ باراۋەرلىك قىلالماي، خۇددى چاڭ ـ توزاڭدەك توزۇپ كەتتى. قىتئە:

خۇدايىكىم ئۇرۇرلار مالىكۇل مۈلك،

كى ھەركىمگە بەرسە تۇتئۇل مۈلك.

نەھەددى بولغاي كىشىگە مۈلك ئالماق،

شەھەنشاھكى ئۇلدۇر تەئزۈلمۈلك.

خوجاملار قۇشبېگى ھەققىدە ھەر خىل گەپلەرنى قىلغان ئىدى. بۇ قايرىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلدى. «ھەدىس شېرىپ»تە يېزىلغان ”بىر توققان بۇرادىرىگە ئورا كولىغان ئادەم، ئاخىرى بۇ ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ“ دېگەن سۆز دەل بۇلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. خوجاملارنىڭ ئىچىدە بىر قانچە ياخشى ئادەم بىھۇدە ئۆلۈپ كەتتى. بىرمۇنچىسى ئەسىرگە چۈشتى، بىرمۇنچىسى ئات ـ ئۇلاغلىرى، كىيىم ـ كېچەكلىرىدىن ئايرىلىپ يالىڭاچ بولۇپ، يە تائام ۋە يە سۇ تاپالماي ئاچ قېلىپ، چۆل ـ جەزىرىلەردە يوقاپ كەتتى. بەزىلىرى يېرىم جان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. مەغلۇبىيەت كۈنى گۇيا ئۇلارغا قىيامەت قايىم بولغاندەك بولدى. ”مەن ۋە مەندىن غەيرى ئادەم يوق“ دەپ ناغرا چالغان خوجاملار بولسا ئۆز جېنىدىن بىزار بولۇپ، بەزىدە ھوشىغا كېلىپ، بەزىدە ھوشىنى يوقىتىپ بىخۇت بولۇپ، چۈش كۆردۈممۇ ياكى شۇنداق بىر خىيال بۇ ئەھۋاللارنى ماڭا كۆرسەتتىمۇ؟ مېنىڭدە قانداق ئەھۋاللار يۈز بەردى؟ مەن نېمە بولدۇم دەپ نەشە چېكىپ كاللىسى ئايلانغان بەڭگىلەردەك، ياكى ئەپىيۇن چېكىپ كۆڭلى خىيالغا چۆشۈپ كەتكەن ئەپىيۇنكەشلەردەك، كۆڭلى ئايلىنىپ، تىلى كالۋالىشىپ، جېنى چىققۇدەك بولۇپ ياكى يېرىم جان بولۇپ، نۇرغۇن جاپا ـ مۇشەققەتچىلىك ۋە ئاۋارىچىلىق بىلەن ئاران دېگەندە تۇرماقچى بولغان ئارامگاھقا كېلىۋالدى. ئېھتىمال بۇ كۆك ئاسمان ۋە كاج شۇم پەلەك ئۆزىنىڭ سېھرىگەرلىك ئويۇنلىرىنى كۆرسەتتى بولغاي.

بۇ چاغدا ياركەنت پايتەختىدە تۇرغان سەئىد ئەلەم ئاخۇن خوجام خەۋەردىن قېچىپ كەلگەنلەردىن بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ، تاقىتى تاق بولۇپ ئولتۇرالماي، ”مەن قەشقەرگە بارىدىغان بولۇپ قالدىم“ دېگەن بانا بىلەن ئۆزىنى ياركەنتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئاقسۇ تەرەپكە راۋان بولدى. دېمەك، خوجاملار شۇنداق قىلىپ بىر دۇدا ئىككى شەھەرگە ئاياق تاشلىدى. قەشقەرنى ئالىمەن دەپ ياركەنتتىنمۇ قۇرۇق قالدى. نەتىجىدە ئۇلار ئاران دېگەندە ھوشىغا كېلىپ، قەشقەر بىلەن ياركەنتتىن تەمە قىلىپ، بۇ جايلارنى زادىلا كۆڭلىمىزدە تۇتمايلى، ئۇ تەرەپنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ ۋە ھەۋەس قىلمايلى دېيىشتى. ئۇلار كېيىن دەرۋەقە بۇ جايلارغا كېلەلمىدى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن نېمە چىققان بولسا ئۆزلىرىمۇ نەتىجىنى كۆردى. نەزىم:

خۇدا بەرگەنگە سەن ھەرگىز ئۆچەشمە،

ئاتا ئەيلەپ ئۆزى بەردى خۇداۋەندە.

لېكىن بۇ چاغدا تۇڭگانلار ئون ئىككى مىڭ كىشىدىن ئارتۇق ئىدى. ئۇلار گۇيا ئۆكەر يۇلتۇزىدەك توپ بولۇپ، توپلارنى پىلتېرلاپ، نۇرغۇن ئادەمنى زەخمە قىلىپ تاكى نامازشامغىچە قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرىنى يېقىن كەلتۈرمىدى، قۇشبېگى بولسا يوتىسىغا ئوق تېگىپ دەرمانىسزلاندى. ئاقىۋەت تۇڭگانلار بىلەن سۇلھى شەرتلىرىنى تۈزۈپ، ئۇلارنى توپ ۋە توپ خانىلىرى بىلەن بىللە قەشقەرگە ئاپىرىپ، ھەر بىرىگە ئۆز مەرتىۋىسى بويىچە مۇۋاپىق ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى قىلىپ، ھەر خىل ۋەدە ـ قەسەملەرنى بېرىپ، داغدۇغا قىلىپ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى. قورال ـ ياراقلىرىنى ئېلىۋېلىپ، تون كىيدۈرۈپ، ھەر خىل ئەمەل ـ مەنسەپلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە رام ۋە قوش قۇشلايدىغان قىلىۋالدى.

9

سەئىد خىتىپ خوجامنىڭ ۋۇجۇت باغىستانىنىڭ غۇنچە نەۋ باھارى ۋە قەلبى سەدەپلىرىنىڭ تېپىلماس گۆھىرى، يەنى مەھمۇددىن خوجام پادىشانىڭ ھۆكۈمرانلىغى ۋە مەنىكى كەمىنە بۇ ئەسەر ئىگىسى موللا مۇسانىڭ سەركۈزەشتە ماقالەتلىرى، بىر قانچە سۇلۇك پىرقىلىرىنىڭ ئېتىقادى قاتارلىق ئەھۋاللار بايانى

ھۆرمەتكە ئىگە يارەنلەر، پەمىلىك بۇرادەرلەرنىڭ ئالى مۇقام زېھىنلىرىگە مەخپى ۋە يېپىقسىز قالمايكى، سەئىد بۇرھانىدىن خىتىپ خوجام كىچىك ئوغلى مەھمۇددىن خوجامنى ئۆز ئورنىغا ۋەكىل قىلىپ ئۇچتۇرپان مەمىلىكىتىنىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ، ئۇچتۇرپان ھاكىمى توختى بەگ ۋە كۇچارلىق تەلەي دادخواھنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە بەلگىلەپ غازاتقا ئاتلانغان ئىدى. بۇ پادىشا خوجام ئۇچتۇرپان مەمىلىكىتىنىڭ ئالى ھۆكۈمرانى بولغاندىن كېيىن، «ھەدىس شېرىپ»تە يېزىلغان ”ئىسلام دىنى ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھەممىنى يوق قىلىدۇ ـ ت“ دېگەن مەزمۇن بويىچە، ئىلگىرىكى مەنسەپدار كاپىرلار، زالىم جەۋرىكەشلەرنىڭ رەسمىيەت ـ يوسۇنلىرىنى يوق قىلىپ، سەلتەنەت رەۋىشى ۋە يۇرتدارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى شەرىئەتنىڭ ئىنچىكە ھۆكۈملىرى بويىچە ئۆلچەپ بىر تەرەپ قىلدى. شەھەردىكى چوڭ بۇتخانىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر كاتتا مەچىت جامە بىنا قىلىپ، ئۇنىڭغا ۋەخپە ۋە باشقا مال ـ مۈلۈكلەرنى تەيىنلىدى. پۇقرا ـ خالايىقنىڭ ئومۇمەن ئۈچ يىل بىر ئايدەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە، ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭ ئىشلىرىغا دەخلى قىلىپ ئارىشالمايتتى. چۈنكى، بۇ خوجام گەرچە باشقا خوجاملاردىن ياشتا كىچىك بولسىمۇ، لېكىن پەم ـ پاراسەت ۋە ئىلىم ـ دىيانەت، پەزىل ـ كامالەتتە ھەممىدىن چوڭ ئىدى. خۇسۇسەن ئىلىم بابىدا ھەممە خوجاملاردىن ئارتۇق ئىدى، ئۆزۈن مۇددەتتىن بۇيان، كاپىرلارنىڭ قائىدە ـ يوسۇنلىرى ۋە زۇلۇم ـ جاپالىرى، قەدىمقى بەگلىرىنىڭ ئۆزىچە پەيدا قىلغان رەسمىيەت ـ تۈزۈملىرى ۋە ئەسكى ئىشلىرى يولغا قويۇلۇپ كەلگەن بۇ شەھەرلەردە، مەزكۇر خوجام «ھەدىس شېرىپ»تە ئېيتىلغان ”سۆھبەتداشلىق تەسىر قىلىدۇ ـ ت“ دېگەن مۆجىزىلىك ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىپ ۋە ئۆزىنىڭ خۇي ـ مىجەزىنىمۇ شۇنىڭغا توغرىلاپ، خالايىقنىڭ دىل ـ كۆڭلىگە ئورناپ مۇقىملىشىپ كەتكەن ۋە ياماننى ياخشىدىن ئايرىمايدىغان ئەسكى مىجەز ۋە بىدئەت ئىشلارنى قىلىچ ۋە نەيزە ئۇچى بىلەن يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پەيغەمبەرنىڭ شەرىئەت ـ سۈننەتلىرى ۋە ھۆرمەت پەزىلەتلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى سىياسەت شەمشىرىنىڭ سۈيى ۋە تۇپرىغى بىلەن پەرۋىش قىلىپ كۆكەرتىپ، پۇراقلىق مايسا رەيھان گۈلىنى ئۆستۈردى. چۈنكى «ھەدىس شېرىپ»تىمۇ ”جەننەت قىلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا“ دەپ كۆرسىتىلگەن مەزمۇن بۇ ئىشلارغا گۇۋالىق بېرىپ تۇرىدۇ.

مەھمۇددىن خوجام يەنە شەھەر، سەھراالاردىكى مەچىت، خانىقالارغا ئىمام، مۇئەززىنلەرنى توختىتىپ، بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بىلەن ئۆتەشنى بەرپا قىلدۇردى. شەرىئەتنىڭ ھەممە قائىدە ـ يوسۇنىنى رەسۇلۇللانىڭ سۈننەت كىتاۋىغا (ھەدىسكە ـ ت) ۋە توغرا يوللۇق ئۆلىمالارنىڭ سۆز ـ پىكىرلىرىگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلدى، ئۇلۇغ شەرىئەت قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، شەرىئەتتىن چىققان ھېچقانداق ئادەمگە يۈزخاتىر قىلماي ھۆكۈم جارى قىلدى. ھەتتاكى قىمارۋاز، كەپتەرۋاز، كەكلىكۋاز، توخومباز قاتارلىق ھەممە بازلارغا قەتئىي ئەدەپ بېرىپ يوق قىلدى. لېكىن، ئۆزى شاخماتچى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ قائىدىلىرىنى مەھكەم ھىمايە قىلىپ، خالايىقنىڭ غەم ـ ئەندىشە ۋە راھىتىنى ئىستىگەنلىكتىن، چوڭ ۋە كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن رازى ۋە خوشال ئىدى.

بۇ ئەسەرگە قەلەم تەۋرەتكەن مەنىكى كەمىنە مۇسا مەزكۇر خوجام پادىشانىڭ ھۇزۇرىدا ئۈلپەتداش ۋە سۆھبەتداش ئىدىم. مەيلى بىرەر ئۆلىما ياكى پازىللار بولسۇن ۋە ياكى ھاكىم ھەم دادخوالار بولسۇن، مەندىن مەسلىھەتسىز بىرەر ئىشنى قىلالماس ئىدى. چۈنكى، مەن بۇ خوجام پادىشا بىلەن كۇچاردا يەتتە يىل مىقدارى بىر مەدىرىس ۋە بىر ھۇجرىدا بىللە تۇرۇپ، ساۋاقداش، قۇرداش ۋە دوست ـ ئاداش بولۇپ كەلگەن ئىدىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇچتۇرپانلىق باي مۇھەممەت قازىبەگ مەن پېقىرنى ئىپتارغا تەكلىپ قىلدى ۋە ”ئىپتارقىلىپ، قونۇپ ئەتە كىرىسلە، پادىشا خوجامدىن مۇشۇنداق دەپ رۇخسەت ئېلىپ چىقسىلا“ دەپ تەكىد قىلدى. چۈنكى، ئۇ كىشىنىڭ ھويلىسى شەھەرنىڭ تېشىدا ئىدى. مەن بولسام بىرەر كېچىمۇ خوجام پادىشادىن بىجاۋاپ باشقا يەرگە بارماس ئىدىم. چۈنكى، مەن خوجام پادىشا قاتنىشىدىغان بەش ۋاقىت نامازغا ئىمام ۋە مەچىت جامەگە خەتىپ ئىدىم. مەخپى گەپ ـ سۆز ۋە خەتلەرگە سىرداش ئىدىم. توققۇز قاراۋۇلدىن كىرگەن ۋە چىققان ئادەملەرگە مەن مەسئۇل ئىدىم. قاراۋۇللارنىڭ يول خېتىمۇ مېنىڭ قولۇمدا ئىدى، ھېچقانداق كىشى مەندىن بىجاۋاپ قاراۋۇلدىن زادى ئۆتەلمەيتتى.

يەنە بىرى شۇكى، خوجام پادىشا پادىشالىق ئورنىدا ئولتۇرغان چاغدا، ئۇنىڭغا بىر مۆھۈر لازىم بولۇپ قالدى. مۆھۈرنى قانداق ئويدۇرۇش ھەققىدە ھەر كىم ھەر خىل قاپىيىلىك سۆزلەرنى ئۆزگەن ئىدى. مەن مۇ شۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدا بىر سەجئى (قاپىيىلىك سۆز ـ ت) تۈزۈپ ”يافەت ئىززىتى زى ھەزرىتى مەھمۇد، ئىبنى بۇرھانىدىن خوجەمەھمۇد“ (ئۇلۇغ ئاللانىڭ دەرگاھىدىن ئىززەت تاپقان بۇرھانىدىن خوجا ئوغلى مەھمۇت ـ ت) دېدىم. خوجام پادىشا بۇ سەجئىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ماقۇل كۆرۈپ، مېنى مۆھۈر ئويدۇرۇشقا تەيىنلىدى. مۆھۈركەند (تامغا ئويغۇچى ـ ت)نىڭ ئالدىدا قاراپ تۇرۇپ مۆھۈرنى راسلاپ، ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم. خوجا پادىشا ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ، مېنى مۆھۈردار قىلىپ، مۆھۈرنى تاپشۇردى، ھەرقانداق نىشان ۋە دەستەككە مۆھۈر بېسىش توغرا كەلسە ماڭا بۇيرۇيتتى. مەن ئۇلارغا مۆھۈر بېسىپ بېرەر ئىدىم. يەنە خىتايلاردىن قالغان بىر بۇغداي ئۈنى سېگى، بىر بۇغداي سېگى ۋە بىر ئارپا سېگى بار ئىدى، بۇ ئۈچ ساگنى باشقۇرۇشنىمۇ ماڭا تاپشۇرغان ئىدى، ئالى ئوردىنىڭ ئاشخانا، ئاتخانا ۋە مەھرەملەرنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ۋە باشقا چىقىملىرى مۇشۇ ساگدىن سەرپ قىلىناتتى. مەن بۇ ئىشلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشنى ئۆز ئىنىم مۇھەممەت خەلىپىگە تاپشۇرغان ئىدىم. ئۇ بۇيرۇق ۋە نىشانلار بويىچە ئاشلىقنى سەرپ قىلاتتى. بۇيچىخانىغا كېرەكلىك گۆش، ياغ، گۈرۈچ، سەۋزە ۋە پىيازغىچە بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەزكۇر ساگنىڭ ئاشلىغىنى سېتىش ئارقىلىق كۈندىلىكنى كۈندىلىك بازاردىن ئېلىپ بېرىلەتتى. بۇ ساگدىكى ئاشلىقلار شۇنداق ھېساپسىز كەڭرى ئىدىكى، ئىككى يىلدىن كېيىن ساگغا كىرسەم ئاشلىقنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىمۇ تېخى سەرپ بولۇنماپتۇ. لېكىن ئۆزەمگە تەقسىم قىلىنغان ئون ۋە بوغۇزدىن ئەقەللى بىر جىڭ ياكى بىر سەرىمۇ ئارتۇق ئالمىغان ئىدىم. مەن ئىنىم بىلەن بىر ھويلىدا تۇراتتىم. ئەگەر بەزىدە چىراققا ياغ ياكى شام لازىم بولۇپ قېلىپ، ساگدىن بىر نەرسە ئېلىپ چىقسام، بازار نەقى بىلەن ھېساپلاپ پۇلىنى بېرەتتىم. بۇ بولسا مېنىڭ ھەرگىزمۇ ھارامدىن ساقلانغانلىغىم ياكى تەقۋادارلىغىمدىن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئىنساپ ۋە ئېھتىيات قىلغانلىغىم ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە توققۇز ساگدا لىقمۇ ـ لىق ئاشلىق بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى كۈندە مۇھەممەت ياقۇپ بەگ قۇشبېگى ئاتالىق غازىنىڭ قولىغا چۈشتى. بىز بولساق بۇ ئاشلىقنى ياكى كەڭرى سەرپ قىلمىدۇق ياكى پۇل قىلىپ ھەمرا قىلمىدۇق.

گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، باي مۇھەممەت قازى بەگنىڭ دېگەن گېپى بويىچە خوجام پادىشادىن رۇخسەت ئېلىپ ئىپتارغا باردىم. ناماز تاراۋىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ نەغمە ۋە دىل سۆزلەرنى ئېيتىپ مەشرەپ قىلدى. مېھماندارچىلىق قائىدىسىنى ناھايىتى ئاشۇرۇپ قىلدى. يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە مېنى مەجلىسى مەشرەپتە ئولتۇرغان خاس ئاممىدىن ئايرىپ، يالغۇز يەنە بىر مەخسۇس مېھمانخانىسىغا ئېلىپ كىردى. بۇ ئۆيدە ئۇچتۇرپاننىڭ كونا بەگلىرىدىن قۇربان غەزنىچى، ئىسمائىل باجىگەر، موللا ئىمىن شەيخ، موللا نۇر قاتارلىق ئون بەشكە يېقىن ئادەم بار ئىكەن. بۇ ئۆيدىمۇ ياخشى زىياپەت ئۆتكۈزدى. تائامدىن كېيىن ئۇلار ”خىتىپ خوجام بولسا ياشانغان ۋە كۆڭلى يۇمشاق، مۇلايىم ئادەم، ھامىددىن خوجام ناھايىتى غەيرەتلىك ۋە غەزەپلىرى ئارتۇق ئادەمدۇر، پادىشا خوجام بولسا يۇرتنى ناھايىتى ئوبدان سۇرىدى. بىز ھەممە چوڭ ـ كىچىكلەر بۇلاردىن رازىمىز. خىتىپ خوجام بىلەن ھامىددىن خوجام يۇرت ئىشلىرىغا ئارىلاشىسا ئوبدان ئاقىۋەت بولماستىن، بەلكى يامان ئاقىۋەت پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەرزىمىزنى ماقۇل قىلدۇرۇپ بەرسىلە ياخشى بولاتتى. ئەگەر بۇنداق بولمىسا يامان ئىشلار بولارمىكىن“ دەپ سۆزلىرىنى ئاياقلاشتۇردى، ئەتىسى شەھەرگە كىرىپ بۇلارنىڭ مۇددىئاسىنى پادىشا خوجامغا بىر ـ بىرلەپ مەلۇم قىلدىم. پادىشا خوجام ”بۇ سۆزنى ياكى دادام ياكى ئاكامغا زادىلا ئىزھار قىلمىسىلا، مەن بۇنى ئۆزەم بىر يول بىلەن ئېپىتىپ ماقۇل قىلسام“ دېدى. ئۇنىڭغىچە ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئۈتىنچى كېچىسى ئۇچتۇرپان ئەھلى قارا كالتەك بولۇپ، ئىتائەتتىن باش تارتتى. خىتىپ خوجام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا، كۇچارلىق موللا توختى مۇتەسىپ دېگەن بىر قېرى ئادەمنى، پادىشا خوجام بولسا مېنى ئەلچى قىلىپ تەيىنلىدى. بىز ئىككىمىز ئەلچى بولۇپ شەھەردىن چىقتۇق، كۈن چىققان مەھەلدە مازار تېرەك دېگەن جايغا باردۇق. بۇ جايغا ھەممە ئادەم ياغى ۋە تاغى بولۇپ توپلۇنغان ئىكەن، ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتتىن يۈز ئۆرۈپ، مىرزاجان ھەزرەت دېگەننى ئۆزلىرىگە ئۇلۇغ قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمىر ـ پەرمانلىرىغا بوي سۇنۇپتۇ. ھاۋا ناھايىتى سوغاق كۈنلەر ئىدى. ئۆيگە باشلاپ كىردى. بىز ئەلچىلەر تەيىقىسىدە ”ھەممە ـ چوڭ ـ كىچىك بۇ قول ـ پېئىللىرىدىن يانسۇن، ئەگەر يۇرتدارلىق ئىشىدا قايسى ئىش بەجا قىلىنمىغان ياكى ئورۇنلانمىغان بولسا، بىز ئۇنىڭ چارىسىنى قىلايلى. ئەگەر كۆڭۈللىرى ئاغرىغان بولسا، تون كىيدۈرۈپ، چاي قويۇپ كۆڭۈللىرىنى ئالايلى دەپ بىزنى بۇ يەرگە چىقاردى“ دەپ سۆزىمىزنى تۈگەتتۇق. ھەزرەت باشلىق چوڭ ـ كىچىكلەر بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ھەيران بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ئىمىن شەيخ دېگەن ئادەم ”قىرغىز، قازاقلارمۇ ئۆز يۇرتىنى ئۆزى سۇراپ تۇرۇپتۇ. بىزمۇ قىرغىز، قازاقلاردىن كەم ئادەم ئەمەس. خوجاملار قانچە مېھنەت ۋە مۇشەققەت تارتقان بولسا، بەلكى ئۇنىڭ ئەجىرىمۇ شۇنچىلىك قۇلىغا تېككەندۇر. قورال ـ ياراقلىرىدىن باشقا نەرسىلىرى بولسا، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتسە، بىز ئات ـ ئۇلاغ بېرىپ، ئوبدان جابدۇپ يولغا سالساق، ئەمدى بىزنىڭ ئىچىدىغان چايلىرىمىز بولسا ئەجەل شەرۋىتى، كىيىدىغان تونىمىز بولسا كېپەن بولۇپ قالدى، سۆزىمىز تۈگىدى“ دېدى. موللا توختى مۇتەسىپكە بىر ئادەم قوشۇپ شەھەرگە ماڭدۇردى. مېنى بولسا شەھەرگە ئەۋەتمەي ئەلچى ئورنىدا بارىمتاي تۇتتى.

شۇ كۈنى جۈمە كۈنى ئىدى. مازار تېرەكتە بىر مەچىت بار ئىكەن. ھەممە ئادەم بۇ يەرگە يىغىلىپ ناماز جۈمە ئاداسىدىن كېيىن، ھەزرەتنى ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىگە پادىشا قىلدى. ھەممىسىلا يىغا ـ زارە قىلىشىپ شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئەمما ھەزرەت كىگىز ئۈستىدىن يىقىلىپ كەتتى. بۇنى پالنىڭ شۇملۇغىغا ئۇردى. بۇ ئالامانچىلار بارغانلىرىچە شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ كىرىپ، يەنە بىر دەرۋازىنى ئاچقىچە ھامىددىن خوجام توپ زەمبىرەكلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئوت بېرىپ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، دەرۋازىنى مەھكەم قىلىپ، سېپىل ئۈستىگە يىگىتلەرنى چىقىرىپ ئوق ئېتىپ، ئۇلارنى يېقىن كەلتۈرمىدى. ئالامانچىلار بولسا ئالتە كېچە ـ كۈندۈزگىچە جېنىنىڭ بېرىچە ھەر خىل تەرەددۇت قىلىپ، ھېچ نەتىجە چىقىرالمىدى، بەلكى نۇرغۇن ئادىمى زىيان بولدى. مېنى بولسا بىر ئۆيگە قاماپ قويۇپ، نەچچە ئادەمنى كۆزەتكە قويدى. يەتتىنچى كېچىسى بولغاندا بۇ پېقىرنى ھەزرەت ئېلىپ چىقىپ ”ئۆزلىرى ئەلچى بولۇپ چىققان ئىدىلە. ئەمدى بىز تەرەپتىن ئەلچى بولۇپ شەھەرگە كىرىپ، خوجاملار بىلەن بىزنى كېلىشتۈرۈپ، يۇرتنى ياخشى خۇپ قىلىپ قويسىلا. چوڭ ـ كىچىك يۇرتقا نەسىھەت قىلدىم. يۇرت ئىلگىرىكىدەكلا پۇقرا ۋە خوجاملار پادىشا بولىدىغان بولدى“ دەپ بىرتەڭچە گېپىنى قىلىپ مېنى يولغا سالدى. مېنىڭ ئېتىمنى سابىت يۈز بېگى دېگەن ئولجىغا ئالغان ئىكەن. تاپتۇرۇپ كېلىپ ئۆزەمگە قايتۇردى. توت بەگنى قوشۇپ ”تومشۇق تېغىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قايتىڭلار، ئادەم كۆپ، زىيان ـ زەخمەت قىلىپ قويمىسۇن“ دەپ بۇيرۇق قىلدى. خوجاملار مەندىن كېيىن يەنە سەمەرقەنتلىك موللا قەلەندەر ئاخۇن دېگەن بىر مۆتىۋەر، ئەزىز ۋە سودىگەر كىشىنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىكەن. بۇ كىشى مەن بىلەن بىر ئۆيدە قامالغان ئىدى. مەن بۇ كىشىنىمۇ سۇراپ ئېلىپ، ھەمرا قىلىپ شەھەرگە كىردىم. كېچە قاراڭغۇ ئىدى. چېرىك بارلىغىنى بىلمەپتىمەن. تومشۇق تاققا كەلگىنىمدە، مەزكۇر بەگلەردىن بىرى ماڭا ئاستا ”مېنى پالاكەت بېسىپ بۇلارغا قوشۇلۇپ قالغان ئىكەنمەن. بىللە شەھەرگە كىرىپ كەتسەم، مېنى يوق قىلارمۇ“ دەپ ئىزھار قىلدى. مەن ئەھۋالنى چاغلاپ بىلىپ ئاشكارىلا ”ئەي نورۇز مىڭ بېگى ئاكا، مېنىڭ بىلەن شەھەرگە كىرىسلە. ھەرقانداق مەسىلە بولسا مەن ھىمايە قىلىپ قۇتغۇزۇپ ئالاي، بۇ ھەقتە مەن كېپىل بولاي“ دېدىم. باشقىلارمۇ بۇنى ئاڭلاپ، بىزمۇ كىرىپ كەتسەك دېيىشتى. ھەممىسىگىلا كاپالەتلىك قىلىپ شەھەرگە بىللە ئېلىپ كىردىم.

بۇ چاغدا ئۈچ خوجام ئۈچ دەرۋازىدا ئىكەن. مېنى ھامىددىن خوجام بار دەرۋازا بىلەن شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بىر ـ بىرلەپ مەلۇم قىلدىم. ئۇ ناھايىتى خوش بولۇپ، ماڭا سەللە، كۆلەھ ۋە تون قاتارلىق ئىنئاملارنى بېرىپ ”موللا قەلەندەر ئاخۇن باشلىق بەگلەر قېنى؟“ دەپ سۇرىدى. مەن ”دەرۋازا تېشىدا توختىتىپ قالدى“ دېسەم، ئۇ ”كىرسۇن“ دەپ بۇيرۇدى. ئۇنىڭغىچە كۈن چىقتى. خىتىپ خوجامدىن ئادەم كېلىپ مېنى ئېلىپ باردى. بۇ خوجامغىمۇ ئەھۋالنى بىر ـ بىرلەپ مەلۇم قىلدىم، بومۇ ھەددېدىن زىيادە خوشال ۋە خۇرسەن بولۇپ، كۆز ياشلىرىنى ئابى نىسياندەك (4 ـ ئاينىڭ بەرىكەت يامغۇرىدەك ـ ت) تامچا ـ تامچا تۆكۈپ يىغلاپ دۇئا قىلدى. چۈنكى، ئالتە كۈننىڭ ئىچىدە بۇ خوجاملار شەھەرگە سۇلىنىپ، تاقىتى تاق بولۇپ، شەھەردىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئىلاجىنى تاپالماي ياكى بۇ ئالامانچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلمەي، خۇدانىڭ قازا ۋە ھۆكۈمىگە رازى بولۇپ، گەدىنىنى قازا جازاسىغا سۇنۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە ئىكەن. لېكىن شۇ كۈنى ئىپتارغا يېقىنلاپ قالغان مەزگىلدە، ھامىددىن خوجام توپ ـ زەمبىرەك، مەھرەم، سەربازلىرىنى بىللە ئېلىپ، مازار تېرەككە بېرىپ، ھەزرەتنىڭ ھويلىسىنى ئىككى تەرەپتىن قورشاپ زەمبىرەككە ئوت بەرگەن ئىكەن. بۇ چاغدا ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىپتار بىلەن مەشغۇل ئىكەن. بۇلارنى چاپ ـ چاپ قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، ھەزرەتنى تىرىك تۇتۇپ شەھەرگە ئېلىپ كىردى، ئۇچتۇرپان ھاكىمى توختى بەگ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاق بەگ، باي مۇھەممەت قازىبەگ قاتارلىق كۆپ ئادەممۇ تىرىك قولغا چۈشتى. شۇ كېچىسى تاڭ ئاتقىچە ئۇچتۇرپان ياخشى ۋە يامان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاكەتكە يەتكۈزدى. قىرغىزلار باشلىق بىر قانچە ئادەم قېچىپ قەشقەرگە بېرىپتۇ. كۆزى كۆرمەنلىرى بولسا ياخشى ـ ياماننى پەرق ئەتمەيدىغان قىرغىزلار تالان ـ تاراج قىلىپ يوق قىلىپتۇ. بەزىلىرى بولسا چۆل ـ جەزىرىلەردە ۋە سوغاقتا ھالاكەتكە ئۇچراپ ئەجەل شەرۋىتىنى ئىچىپتۇ. ئىمىن شەيخ باشلىق بىر قانچە ئادەم ئىلى تەرىپىگە قاچقان ئىكەن. بۇلار سىرت دېگەن بىر چۆل ـ دەشتتە ئۆلۈپتۇ ۋە كېپەنمۇ تاپالماي، بۇلارنىڭ جەسەتلىرى چۆل ـ جەزىرىدىكى قاغا ـ قۇزغۇنلارغا تائام بولۇپتۇ. ئاتىسى بالىسىدىن ۋە بالىسى ئاتا ـ ئانىسىدىن خەۋەر ئالالماي ۋە بىر بىرىگە پەرۋا قىلماي، گۇياكى قىيامەت سەھرىسىغا يولۇققاندەك، ھەممە ئادەم ئۆز ئەھۋالى ۋە جېنى بىلەن سەرەسان ۋە سەرگەردان بولدى. ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق دەپ ھېساپقا ئېلىندى. دەشت ـ جەزىرىلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. ھاۋا ناھايىتى سوغاق كۈنلەر ئىدى. خوجاملار شەھەرنى پەتىھ قىلغاندا شۇپاڭخانىنىڭ ھاراق قاينىتىدىغان بىر چوڭ قازىنىنى ئولجىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنى قولتۇقمازار دېگەن بىر مازارغا ۋەخپە قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئالامانچىلار بۇ قازاننى ھەزرەتنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئىپتارلىق ئوماچ قىلغان ئىكەن. خوجاملار زەمبىرەككە ئوت بەرگەندە، قازاندىن ئوماچ ئۇسۇپ بېرىۋاتقان ئىككى ئالامانچى قازاندىكى ئوماچقا چۈشۈپ چۆكۈپ كېتىپتۇ. قولغا تىرىك چۈشكەنلەرنى بولسا ھامىددىن خوجام سۆز سۇراپ، ھەر كېچىسى نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قۇدۇققا تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ يەتتە قۇدۇق ئادەم ئۆلۈگى بىلەن تولدى، بۇنى كۆمدۈرۈۋەتتى.

كۆچىمەنلەر دەپ ھېساپلانغان ئۇچتۇرپانلىقلارغا مۇنداق پالاكەت ۋە ھالاكەتنىڭ بولۇشىغا يەنە بىرمۇنچە سەۋەپ بار ئىدى. سەۋەپسىز مۇنداق ئىشلارمۇ سادىر بولمايتتى. چۈنكى، ئەسلىدە ئۇچتۇرپانلىقلار ئەھلى مۇسۇلمانچىلىق ۋە ئۇلۇغ شەرىئەت قائىدىلىرىنى چىڭ تۇتۇدىغان خەلق ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ يەنە باشقا ئاجايىپ ئەقىدىلىرىمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى كۇبىرەۋىيە، (146) ئىسھاقىيە، (147) نەئمەتىيە، (148) رەبۇرىيە، (149) دەۋانىيە (150) قاتارلىق تەرقەت سۈلۈكلىرىدىدۇرمىز دەپ ھېساپلايدىكەن ۋە بەزىلىرى بولسا ”ئاللا خاسلىغى خوجاملارغا خاس“ ياكى ”ئاللا خوجام“ دەپ خوجاملارغا ھەددېدىن زىيادە ئەقىدە ۋە ئىخلاس قىلىپ، ئۇلارنى ھەممىدىن يۇقىرى مەرتىۋىلىك دەپ ھېساپلاپ، ئاللا بىلەن خوجاملارنىڭ ئارىلىغىدا تۇرىدىغان ھېچقانداق بىرەر يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئىنسان ياكى جاننىڭ بولۇشىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن ۋە بۇنىڭغا يولمۇ قويمايدىكەن. شۇڭلاشقا، خوجاملار ئۇچتۇرپانغا يېڭى بارغان چاغلاردا، ئۇلار ”ئەمدى بىز تىلىگەن ۋە ئارزۇ قىلغان خوجىمىزنى تاپتۇق“ دەپ، ئۇلارغا ناھايىتى يۇقىرى ئەقىدە باغلاپ، ئاتلىرىنى يىلغا ئۆيۈرى بىلەن، كالىلىرىنى پېدىلى بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن ۋە قىزلىرىنى قىزلىق ئېپپەتلىرى بىلەن، سىكىلىك بولسا سىكىلىكلىگى بىلەن ئېلىپ كېلىپ، خوجاملارغا تارتۇقلاپ، نەزىر ـ ھەدىيە قىلىپ ”ئەمدى بىزگە ھېچقانداق نەرسە لازىم ئەمەس“ دەپ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، ”ئاللا خوجام“ دەپ تۇرغان ئىدى. لېكىن خوجاملار بولسا ”ھەممە پۇقرا مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنى ئوخشاش بىر ئادەم“ دەپ، بۇ ھەدىيەلەرگە نەزەر سالماي، ھەممىنى باراۋەر ـ تەڭ كۆرگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇ تايىپىلەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ”بىز دېگەن خوجىمىز بۇلار ئەمەس ئىكەن“ دەپ، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى.

يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، بۇ تايىپىلەر ئەرك ـ خوتۇن ئارىلاش چوڭ ئۆيگە يىغىلىپ، چوڭ قازانغا جىق چاي سېلىپ، نەچچە تاۋاقتا قايماق ئېلىپ كېلىپ، قازانغا قويۇپ قاينىتىپ، بىر مۆتىۋەر كىشىنى چايغا مۇئەككەل ـ ۋەكىل قىلىپ، غۇسۇل ـ تاھارەتتىن كېيىن چۆمۈچنىڭ دەستىنى تۇتۇپ، توپلۇنغان ئادەملەرگە ”تەۋەررۈك كۆك چاي“ دەپ ئاز ـ ئازدىن يېتىشچە بېرىدىكەن ۋە چاينى ناھايىتى تەۋەن تازىم بىلەن، ھەتتا رۇكۇغا ئېگىلگەندەك ئېگىلىپ تۇرۇپ قولىغا ئېلىپ ئىچىدىكەن. ئاندىن كېيىن نەغمە ـ ناۋا ساداسى ئىچىدە ئەرك ـ خوتۇنلار ۋە باشقىلارمۇ بىر بىرىگە ئارىلاش ھالدا رەقسى ساماغا چۈشۈپ، شاۋقۇن ـ سۈرەن قىلىپ، بەزىدە يىقىلىپ، بەزىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، بەزىدە مەسىلىرچە غەرق بىخۇت بولۇپ، ئېغىزىدىن كۆپۈك چىقىپ، ھوشۇرۇلۇقتىن بىھوش ھالىتىگە كېلىشىدىكەن ھەم ”ھوزۇرۇم“ دەپ بىر نەغمە مۇقام ئىجات قىلغان ئىكەن. بۇ نەغمە ئەنە شۇ تايىپە سۈلۈكلىرىدە كۆپ ئېيتىلىدۇ. بەزى مۇغەننىلەر مۇشۇ مەجلىس ـ يىغىنلاردا ئۆز نەغمىلىرىنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇپ ئېيتاتتى.

گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، ئۇلار ئەنە شۇنداق بىرنەچچە سائەت ھوشسىز ـ بىخۇتلۇقنى مەقسەت قىلىپ ياتقان ھالىتىدىن يەنە ھوشىغا كېلىپ، ئۆھ دەپ كۆزلىرىنى ئېچىپ ئولتۇرىدىكەن. مۇنداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ”كۇبىرەۋىيە“ سۈلۈكى دەپ ئاتاپ ئەقىدە قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىغى شەرىئەتكە تامامەن خىلاپ ئىكەن. بۇ پىرقىنىڭ ئۇلۇغ پېشۋا خەلىپىسى بىر كۈنى خوجامنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەۋەررۈك چاي تىلەپ ”بىزگە دۇئا قىلىپ بېرىشكە بىر دۇئاگۈي تىلەيمىز“ دەپ ئەرز قىلغاندا، خوجام مەرھەمەت قىلىپ مەن كەمىنىنى بۇيرۇدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى كۆزۈم بىلەن ئېنىق كۆردۈم. ئالدى بىلەن ئۇلار مېنى ”خوتۇنلار بىلەن بىللە رەقسى ساماغا چۈشۈپ بېرىسىلە“ دەپ ئىلتىماس قىلدى. مەن ”تېخى ئۆزەم ياش“ دەپ بىر قېرى ئادەمنى ئۆزەمگە ۋەكىل قىلىپ مەيدانغا چۈشۈردۈم. پائالىيەت تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇلار مەندىن ”ئۆزلىرى بۇ سۈلۈك بىلەن كەم شۇغۇللانغانلىقلىرى مەلۇم“ دەپ سۇرىدى. مەن ئۇلارغا ”ھېلى مەن ياش، شەرىئەت سۈلۈكلىرىنى تېخى تاماملىمىدىم، شەرىئەت سۈلۈكىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ سۈلۈك بىلەن شۇغۇللانسام دەپ نىيەت قىلىپ تۇرۇپتىمەن“ دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇلار خوجاملارنى بىلمەي تۇرۇپ، بىزنىڭ خوجىمىز دەپ ئىزھار قىلغان ۋە مېنىمۇ تونۇماي تۇرۇپ تەۋەررۈك چايغا ئېلىپ چىققان ئىدى. كېيىنچە ئۇلار بۇنىڭ ھەممىسىنى قىلغان ئۆزىمىز دەپ، قىلغان ئەقىدىلىرىگە گۇمان قىلىپ پۇشايمان يېدى، لېكىن پايدا بەرمىدى.

لېكىن شەرىئەت پانا خوجام پادىشا بولسا بۇ يولدىن ئاداشقان گۇرۇھلارنىڭ زالالەت يولىنى توغرا يول دەپ، يامان ئىشلاردىن جۇدا بولالماي ۋە ئىگە بولالماي، يامان ئىشلاردىن سۈننىتىنى پەرق قىلىپ ئايرىيالماي يۈرگەنلىگىنى بىلىپ، پەيغەمبەر مۇستاپاۋىيەنىڭ شەرىئىتى ۋە مىللەت سىراجىيە (151) چىرىغىنىڭ ھۆكۈم قائىدىلىرى ۋە يول كۆرسەتكۈچى ئىماملارنىڭ پىكىرلىرى، ئۆلىمايى ئىزامالارنىڭ پەتۋالىرى بويىچە، توغرا ھەق يولىنى ئېلان قىلىپ، ”ھەدىس شېرىپ“تە بايان قىلىنغان ”ھەممە ئىشتا نەسىھەت ۋە توغرىلىقنى تۇتۇشنىڭ ئۆزى دىن دېمەكتۇر“ دېگەن سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىپ، مۇلايىم مىجەز ۋە شېرىن سۆز ـ ماقالىلار بىلەن پەندى ـ نەسىھەت ھەم تەشۋىقاتلارنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇخالىپ كېپەلىرىنى ۋە دىنى نەسىھەتنىڭ مەجۇنى شەرۋىتى ۋە باشقا مەنىۋى دورىلار بىلەن داۋالاپ باقتى. لېكىن ئۇلارنىڭ قەساۋەت بېسىپ كەتكەن قەلبىگە بۇ دورىلار پايدا بەرمىدى. يەنە ئۇلارنىڭ داۋاملىق ھالدا ئەرك ـ خوتۇنلار بىلەن بىر بولۇپ، پەردە ـ پەرەنجىسىز بىر يەرگە توپلۇنغانلىغىنى بىلىپ ئالدۇرتۇپ كېلىپ، شەرىئەت قامچىسى ۋە دەررىلىرى بىلەن قاتتىق ئەدەپ ۋە ئېھتىساپ بەردى. بۇ ئۇسۇللار ئۇلارنىڭ خاس مىجەزلىرىگە مۇۋاپىق كەلمىگەنلىگى ئۈچۈن، ئۇلار ئاداۋەت ئۇرۇغىنى چېچىپ، دۈشمەنلىك تىكەنلىرىنى كۆكەرتتى ھەم ياغى ۋە تاغىلىق دۇمباقلىرىنى جېنىنىڭ بېرىچە ئاشكارا سوقتى. ئاخىرى بۇ سەرەنجامسىزلار ئىشنىڭ يولىنى ئۇرۇش ۋە قان تۆكۈش تەرەپكە تارتتى. نەتىجىدە، ئۆزىنى خۇددى شامغا ئوخشاش يېنىپ تۇرغان ئوت ـ ئاتەشگە پەرۋانىدەك ئۇردى ۋە ھالاكەت مەنزىلگاھىدىن جاي ـ ماكان تۇتتى.

نەزىم:

چىراغنىكى ھەق ياندۇردى، قويدى،

كىشىكىم پۈۋ دېدى ساقالى كۆيدى.

بۇ شېئىرنىڭ مەزمۇنى دەل مۇشۇ يولدىن ئازغانلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىقتۇر. ئەگەر ئۇلاردىن ”ئاللا خوجام دەپ كىمنى دەيسىلەر؟ ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى شېرىپلىرى كىم بولىدۇ؟“ دەپ سورىسا، ئۇلارنىڭ خەلىپە، ماشايىخلىرىمۇ ”خوجاملارنىڭ ئىسمى شېرىپلىرىنى ئاغزىمىزغا ئالالمايمىز، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ، ئاللا خوجام دەپ كەلگەن ئىكەن. بىزمۇ ئاللا خوجام دېسەك، خوجىمىز ئۆزى تېپىپ ئالالايدۇ. بەلكى ئىسمى شېرىپلىرىنى ئەسلا ئاڭلىمىغان ئىدۇق “ دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. جانابى ئاللا يار سوپۇم (152) «سۇباتىل ئاجىزىن» دېگەن كىتاۋىدا مۇنداق مەسنەۋىنى زىكرى قىلىپ:

بولۇپتۇر ھەم تەقى بىر فىرقە پەيدا،

ئاتى مۆمىن ۋەلى نەپىسىگە شەيدا.

يىغارلەر پارە ۋە بويىنى يۇغاننى،

سالۇرلار ئوتتۇراغا قىزۇ ـ جۇۋاننى.

ئالىپ بارسا كىشى ئەھلى ئايالىن،

كۆتەرۇر بىھىممەتلىك ۋەبالىن.

ھارام ئىشنىكى تائەت بىلسە ئىنسان،

ئېرۇر بۇل ئېتىقادى نامۇسۇلمان.

بۇ ئايغان فىرقە كىم زاللى مۇزىللۇر،

شەرىئەت ئەھلى بۇ ئەلدىن خىجىلدۇر.

دەپ يازغان ئىدى. بۇ مەسنەۋىنىڭ مەزمۇنى دەل مۇشۇ تايىپىلەرنىڭ شەنىگە ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئىسھاقىيە، نەئمەتىيە قاتارلىق باشقا پىرقىلەرمۇ مۇشۇ تايىپىلەرگە ئوخشاش ياكى بۇلاردىنمۇ بەتتەر بولسا كېرەك. ھەرقايسى تايىپىلەر ئۆز ئەقىدە ـ سۈلۈكلىرىدە ناھايىتى مۇستەھكەم ئىكەن. توي ـ مەرىكە، نەزىر ـ چىراق ۋە ئاممە ئولتۇرۇشلىرىدا بىر بىرى بىلەن ئارىلاشىدىكەن. لېكىن سۈلۈكلىرىنى ناھايىتى مەخپى ـ سىر قىلىپ ساقلايدىكەن. بىر بىرىنىڭ تەۋەررۈك چاي ۋە نەزىرلىرىگە بارمايدىكەن ۋە بىر بىرىنى چىللىمايدىكەن. ئەگەر ئارىلىشىپ قالسا چىقىپ كېتىدىكەن ياكى چىقىرىۋېتىدىكەن. بەزى پىرقىلەر نەزىر ـ چىراقلاردا خوجاملار ھەققى دەپ چوڭ بىر نان، خۇدايىم يولىدا دەپ ئۇنىڭدىن كىچىگرەك بىر نان ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بىر ناننى پەيغەمبىرىم ھەققىدە دەپ ئوبدان پىشۇرۇپ، ناننىڭ يۈزىنى سۇ يېغىدا ياغلاپ، ئۈستىگە نوكچا شاملارنى قاداپ يورۇتۇپ، ئو نانلارنى نامازشام ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، دۇرۇت ۋە پاتىھە ئوقۇپ، خەتمە قۇرئان قىلىپ، دۇئا ـ پاتىھەلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن، بۇ نانلارنى ئۇششاق ـ ئۇششاق قىلىپ پارچىلاپ، توپلۇنغان چوڭ ـ كىچىك ھەممە ئادەمگە بىر پارچىدىن ”تەۋەررۈك“ دەپ بېرىدىكەن دېگەن گەپ ـ نەقىللەر مۇ بار.

بۇ تايىپىلەر ئۇچتۇرپان كۆچىمەنلىرىگە خاس بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەتتە شەھەرنىڭ ھەممە جايىدا بار. يەنە ”كۇبىرەۋىيە دەپ قايسى تەرقەتنى دەيسىلەر“ دەپ سورىسا، ئۇلار بۇنىمۇ ”بىلمەيمىز“ دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن. بۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، بۇ مەزھەپ شەيخ نەجىمىدىن تاممىتلىكۇبىراغا مەنسۇپ ئىكەنلىگى مەلۇم ھەم كۇبىرەۋىيە تەرقەتنىڭ سەرھەلقىسى شەيخى نەجىمىدىن كۇبىرا بۇ ئۇلۇغ زات دەل شۇ رەقسى ساماغا قايىل ئىدى ئەلۋەتتە دەيىدۇ. ۋاھالەنكى، شەيخ نەجىمىدىن تاممىتلىكۇبىرانىڭ تەرقەتلىرى بۇلارنىڭ يامان تەرقەتلىرىگە ھەرگىز ئوخشىمايتتى. بۇلار ئۆزىنى خىيالىچە ئۇ زاتنىڭ تەرقەتلىرىگە تەقلىت قىلىپ، ئۆزىچە بىر سۈلۈك پەيدا قىلىپ، خوتۇنلىرى يۈزىنى ياپماي باشقا يات ئەركەكلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن رەقسى ساماغا چۈشۈپ، ئۆزىنى ئاشكارا ھالدا چوڭ گۇناغا گىرىپتار قىلىپ، بۇ گۇنالىرىنى سۈلۈك قىلدۇق ۋە كۇبىرەۋىيە تەرقەتنى تەۋرەتتۇك دەپ نەسىھەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ ناھايىتى جاھىللىغى ۋە نادانلىغى، توغرا يولدىن چىققانلىغىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى شەيخ نەجىمىدىن كۇبىرا بولسا كۇبىرەۋىيە تەرقەت ئەھلىسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ۋە ماشايىخلىرىنىڭ سەردارى، ئىلىمىي قال (شەرىئەت ـ ت) ۋە ئىلىمىي ھال (تەرقەت ـ ت)دا ناھايىتى كامالەتكە يەتكەن بىر ئادەم بولۇپ، ئو كىشىنى يەنە تەرقەلەپ سۈپەتلىشكى تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئەمدى ئاياللارنىڭ يۈز، ئەۋرەتلىرىنى يېپىش پەرزلىگى بولسا نەس ۋە ئايەت بىلەن قاتتىق چەكلەنگەن ئىدى. بۇ ئۇلۇغ زات ھەتتا شەرىئەت قائىدىلىرىنىڭ سىرتىدىكى مۇستەھەپ (پەرز ۋە ۋاجىپ ھېساپلانمايدىغان ـ ت) ئاددى ئىشلىرىگىمۇ ھېچقاچان خىلاپلىق قىلغان ئەمەس. ئەمدى پەرزنى تەرك ئېتىش بولسا، بۇ كىشىدىن قانداق سادىر بولۇشى مۇمكىن؟ ئىلاھىم، ئۆزەڭنىڭ كۈچلۈك قۇدرىتىڭ بىلەن زالالەت ۋە يولدىن ئاداشقانلارنى، بەلكى ھەممە مەخلۇقلىرىڭنى راست يولغا باشلاپ، تەۋپىق ۋە ھىدايەت بەرگەيسەن، ئەي توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللا، يولدىن ئازغانلارغا توغرا يول كۆرسەتكەيسەن، ئامىن!

10

خوجا ئىسھاق خان خوجامنىڭ خوتەن ۋە ئىلىغا ماڭدۇرغان ئەسكەر ۋە ئەلچىلىرىنىڭ ۋەقەلىرى ۋە ئەلچى بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ خەت ـ ئالاقە، مۇراسىلە قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ قىسقىچە بايانى

پەلەكنىڭ ئالى تەربىيىسىگە ئىگە يارەنلەر ۋە ئىدەرەك ئىگىسى بولغان بۇرادەرلەرنىڭ چاققان، سەزگۈر تەبىئەتلىرىگە مەخپى ۋە خەۋەرسىز قالمايكى، نەقىل ۋە ھېكايىلەرگە ئاساسلانغاندا، كۇچار شەھىرى بۇزۇلۇپ، خوجا ئىسھاق خان خوجام خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ، ئىسلام قىلىچىنى كاپىرلارنىڭ بېشىغا ئاشكارا تارتقانلىغىنىڭ خوش خەۋەرلىرى ۋە مۇبارەكباتلىق چوڭ تەنتەنىسى يەتتە شەھەرنىڭ ۋاللىرى ۋە ئاھالىسىگە ئاڭلاندى، بەلكى ھەر تەرەپكە تارقالدى. نەتىجىدە شەھەر ـ شەھەرلەردىكى مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانلار ئىتتىپاقلىشىپ، ئىسلام شېرىپنى ئاچماقنى ۋە زالىم كاپىرلارنىڭ بېشىغا تىغ چاپماقنى مەقسەت ۋە ئىشتىياق قىلىپ، كۇچارنىڭ كېيىنىدىن ئىلىدىكى يەتتە شەھەرنىڭ تۇڭگانى ۋە تارانچىلىرى كاپىرلارنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، ئەلەم موللا شەۋكەت ئاخۇننى ئۆزىگە باشلىق ۋە مۇستەقىل ھاكىم قىلدى. بۇ ناھايىتى پازىل ۋە دىندار كىشى ئىدى، جۈملىدىن خوتەن ئەھلىمۇ خىتايلارنىڭ ئىلكىدىن چىقتى. ياركەنت، قەشقەر خەلقىمۇ ئىتائەت ۋە پەرمانبەردارلىق يىپىنى ئۈزدى. چۈنكى، بۇ ئالتە شەھەرگە كۇچار گۇيا بىر دەرۋازا ئورنىدا بولۇپ، بېجىڭدىن كەلگەن چېرىكلەر ئالدى بىلەن كۇچارنى باسماي تۇرۇپ، باشقا يەرگە بارالمايتتى. بۇنى بىلگەن يەتتە شەھەر ئادەملىرى كېيىنى ـ كېيىنىدىن بۇزۇلۇپ، ھەر قايسى شەھەرنىڭ ئادەملىرى بىر ئادەمنى سەردار قىلىپ، يەنە بىر ئادەمگە پەرمانبەردار بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۈلكى تاۋايىپ (تەۋەلىك دۆلەت ـ ت) قۇردى.

خۇسۇسەن خوتەندە موللا ھەبىبۇللا مۇپتى ھاجى دېگەن بىر تەقۋادار ـ پەرھىزگار ۋە شەرىئەتتۇتار، دىن ـ دىيانەتلىك بىر كىشى بار ئىدى. ھەممە خوتەن ئەھلى بىر ئىتتىپاق بولۇپ، بۇ كىشىنى ئۆزىگە سەردار قىلىشنى لايىق ۋە سازاۋەر بىلىپ، بېشىدا كۆتۈرۈپ، خوتەن كاپىرلىرىنىڭ ئۈستىگە تىغ تارتتى. تۇڭگانى تايىپىلىرىنىمۇ كاپىرلارغا قوشۇپ تامامەن يوق قىلىپ، يۇرتنى پەرھىزگار ۋە تەقۋادارلارنىڭ دىلىدەك پاكىز ۋە ساپ قىلىپ، تەختى سەلتەنەتتە ئولتۇرغۇزدى. بۇ چاغدا شەيخ نەزىرىدىن خوجام ياركەنتنى پەتىھ ۋە تەسىررۇپ قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئاتلىنىپ ياركەنتكە باردى. بۇنىڭ بىلەن ھاجى غەزنىچى بەگمۇ بىللە بارغان ئىدى. شەيخ نەزىرىدىن خوجام ياركەنتكە بارغاندىن كېيىن، ھاجى غەزنىچى بەگنى بىر مىڭ يەتتە يۈز مۇسۇلمان، ئۈچ يۈز تۇڭگانى چېرىگى بىلەن خوتەنگە يولغا سېلىپ، ئۇنىڭغا ”سېلىنىڭ خوتەنگە بارغانلىرىنى موللا ھەبىبۇللا ھاجى پادىشا ئۆزىگە پەخرى ـ ئىپتىخار دەپ بىلىپ، ئىتائەت كەمىرىنى بېلىگە مەھكەم باغلاپ، گەدىنىنى تۆۋەن قىلىپ ئالدىلىرىغا چىقىپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، سېلىنى تەختى سەلتەنەتتە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزى خىزمەتدارلىق رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەيدىغان بولسا ناھايىتى ياخشى. ئەگەر سىلىدىن يۈز ئۆرۈپ قارشىلىق قىلسا ياكى سىلىگە بوي سۇنۇشتىن باش تارتىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا جان ـ دىلى بىلەن كۈچ كۆرسىتىپ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ، ھاجى پادىشانى ئەۋلادى بىلەن مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئەۋەتىسىلە“ دەپ بىر قانچە سىياسى تەھدىت ۋە لاپ ـ قاپ، تۆزسىز ـ مەزىسىز ۋە ئاچچىق سۆزلەرنى قىلىپ يولغا سالدى. ھاجى غەزنىچى بەگ مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يۈرۈپ، سانجۇغا بارغاندا، ھاجى پادىشاغا ناھايىتى غۇرۇرانە بىر خەت يازدى. ھاجى پادىشا خەتنى كۆرۈپ مۇلاھىزە قىلىپ، ”بۇ خەتتىن ئاشنا ـ دوستلۇقنىڭ پۇرىغى كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، بۇ خەتتىن دۈشمەنلىك ۋە خۇسۇمەت ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئەڭ ياخشىسى مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كىشى چىقىراي. قېنى، غايىپ پەردىسىدىن نېمە ئىش ـ ئەھۋاللار كۆرۈنەر ئىكەن“ دەپ چوڭ ئوغلى ئىبراھىم خان سۈدۈرنى باش قىلىپ، ئۈچ مىڭ لەشكەر بىلەن ئالدىغا چىقاردى. زاۋا دېگەن شەھەردە ئىككى تەرەپ جەڭ ـ قىرغىنچىلىققا كىرىشتى. نۇرغۇن ئادەم ھالاك بولدى. ئىبراھىم خان سۈدۈرغا ئوق تېگىپ، ئالەم باقىغا سەپەر قىلدى (153) ئاقىۋەت ھاجى غەزنىچى بەگمۇ باراۋەرلىك قىلالماي، مەغلۇپ بولۇپ ياركەنتكە كەتتى. ھاجى پادىشانىڭ مۇلازىمىلىرى بولسا غالىپ بولۇپ، ئولجا ـ غەنىمەتلەرنى ئېلىپ، قايغۇ ۋە ماتەم بىلەن خوتەنگە باردى.

ھاجى پادىشانىڭ ئىتائەت ۋە ئىتائەت قىلماسلىغىدىكى سەۋەپ شۇكى، ھاجى غەزنىچى بەگ ئەسلىدە كۇچارنىڭ بەگزادىلىرىدىن ئىكەن. ئانا تەرەپتىن خوجاملارغا تۇققانلىغى بار ئىدى. لېكىن، خىتايلارغا خىزمەت قىلىپ كەلگەن بۇرۇنقى بەگزادىلەردىن ئىدى. ئۇ بۇ ۋەقە بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى خان، ئامبانغا تەرجىمان بولۇپ، ياركەنتكە بېرىپ مەنسەپ ئىشىنى تۈتۈپ، خىتاي تىلى بىلەن سۆزلەپ، خىتايچە كىيىم ـ كېچەكلىرىنى كىيىپ ـ ياسىنىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، ھاجى پادىشا ”مېنىڭ ئۈستۈمگە ھاجى بەگ دېگەننى ئەۋەتكىنى قانداق ئىش؟ خوجاملاردىن بىرىسىنى ئەۋەتمەك لازىم ئىدى، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندىمۇ ئۇلارغا شەرىئەت ئىچىدە بولغان، شەرىئەت كىيىمىنى كىيىپ ئۆمۈر ئۆتكۈزگەن بىر مۇسۇلمان مۆمىن ئادەم تېپىلمىغاندىمۇ؟ مېنىڭ ئۈستۈمگە بىر خىتاي يېتىمنى ئەۋەتكىنى نېمىسى“ دەپ ئۆز يۇرتىغا مەھكەم ۋە ئۆز ئىشىغا پۇختا بولۇپ تۇردى.

شۇنداقلا، بۇ چاغدا ئىلى تارانچىلىرىمۇ كاپىرلارنى يۈز ئۆرۈپ، ئىمكانىيىتىنىڭ بېرىچە جەڭ ـ قىرغىنچىلىققا ھەرىكەت ۋە تەرەددۇت قىلىپ، غازىلىق مەرتىۋىسىگە ئۈلۈنۈپ، ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ”جانپىدالار“ دېگەن نامغا ئېرىشىپ، نۇرغۇن ئادەم توغرا نىيەت بىلەن جېنىنى پىدا قىلىپ، قېنىنى تۆكتى. لېكىن، كاپىرلارنىڭ ئولۇغى جاڭجۈن تۇرغان كۈرە شەھىرى تېخى پەتىھ بولمىغان ئىدى. بۇ دەۋردە سائادەتلىك ۋە ئىنتىزاملىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئولۇغى موللا شەۋكەت ئاخۇن باشقىلارغا مەسلىھەت قىلىپ، ”كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ كۆپ ئادەم زىيان بولدى. كۆپ كاپىرلارمۇ يوق قىلىندى. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ ئۈستىمىزدە تۇرۇپ دۇئا قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەر ئەۋلادىدىن بولغان بىر ساھىپ دۇئا ئادەم كېرەك ئىدى، ئەڭ دەسلەپتە كۇچاردا ئىسلام ئېچىلغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ يولى ۋە مەدەدلىرىدىن قۇۋۋەت ئېلىپ، ئىلىدىكى كاپىرلارغا تىغ تارتتقان ئىدۇق. شۇڭلاشقا، خوجا ئىسھاق خان خوجامنى مۇبارەكلەپ، ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ پەرمان ۋە ئىتائىتىگە كىرگۈزسەك، ھەممىمىزلا بىر مەزھەپ ۋە بىر مىللەت بولغانلىغىمىز ئۈچۈن، ئىتتىپاقلىق يېپىنى ياقىدىن چىقىرىپ، بېشىمىزغا مۇشكۈل ئىش كەلگەندە بىر بىرىمىزگە دوستلۇق ۋە ياردەم كۆرسىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ راھىتى ۋە يۇرتلارنىڭ ئاۋاتلىغى ئۈچۈن تىرىشساق“ دېدى. بۇ گەپنى ھەممە ئەكابىر ئەشىرەپلەر ماقۇل تۇتۇپ، ئىتتىپاق بىلەن بىر پارچە بەيئەتنامە يېزىپ، بىر ساھىپ دۇئا ئادەم تىلەپ قىلىپ، موللا قۇربان خىتىپ ئاخۇننى باش قىلىپ، ئۇنىڭغا قىرىق نەچچە ئادەمنى قوشۇپ، مۇۋاپىق سوغا ـ سالاملار بىلەن ئەلچى ماڭدۇرغان ئىكەن. مەزكۇر ئەلچىلەر ئىلىدىن چىقىپ، سىرت دېگەن داۋاندىن ئېشىپ، ئۇچتۇرپانغا كەلدى، چۈنكى، بۇ چاغدا مۇزداۋان بىلەن ئۆتكىلى بولمايتتى. ئۇچتۇرپاندىكى خوجاملار بۇلارنى ئالدىغا چىقىپ، لايىق جاي ـ ماكانغا چۈشۈرۈپ، بەيئەتنامەنى ئېلىپ سۈرەت ـ ۋەقەنى خان خوجامغا سۇندى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن خان خوجامدىن ئەلچىلەر ئۆزىنىڭ يارلىغى بىلەن كەلسۇن دېگەن يارلىق كەلدى. خوجاملار ئىشەنچىلىك خىزمەتكارلارنى بىللە قوشۇپ، مەزكۇر ئەلچىلەرنى كۇچارغا ماڭدۇردى. خان خوجام بۇلارنى كۇچاردا ئىككى ئاي مىقدارى توختىتىپ، ئىنئام ـ ئېھسانلارنى قىلىپ قايتىشقا جاۋاپ بەردى.

خان خوجام يەنە باھاۋىدىن خوجامنىڭ ئوغلى سەئىد خوجامنى باش قىلىپ، ئىككى يۈز ئەللىك لەشكەر، ئەلەم، توغ، بايراق، داڭا ـ دۇمباق، قورال ـ ياراق، ئوق ـ ساغداقلار بىلەن ئىلىغا يولغا سالدى. بۇلار مۇزداۋان يولىنى ياساپ، ناھايىتى قىيىن ـ مۇشەققەت ۋە مېھنەتلەر بىلەن داۋاندىن ئۆتۈپ، تەگداشسىز ئاللا دەرگاھىغا شۈكۈرى ـ سانالارنى بەجا كەلتۈرۈپ، قالماقلارنىڭ زىيان ـ زەخمىتىگە ئۇچراشتىن غەم ـ ئەندىشە قىلىپ تېكەسگە يېتىپ بارغاندا، بىرنەچچە ئاتلىق ئالدامچى قالماق يولنىڭ توغرىسىدىن چىقىپ، بۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ”سىزلەر قانداق ئادەم؟ قايسى جايدىن كەلدىڭىزلەر ۋە قايسى جايغا بارىسىزلەر؟“ دەپ سۇراپ، بۇلارنىڭ ئاز ـ كۆپلۈگىنى بىلىپ، بۇلارغا ”بۇ يەردە ھەر خىل باشباشتاق يامان ئادەملەر بار. مەن ئادەم قوشۇپ بېرەي، سىزلەرنى تىنچ ـ ئامان ئۆتكۈزۈپ قويسا، بۇ ماڭىمۇ بىر خىزمەت بولۇپ قالار“ دەپ، ئۈچ ـ تۆت قالماقنى قوشۇپ، ”بۇ خوجا كىشىلەرنى پالانى يەرگىچە ئاپىرىپ ئۆتكۈزۈپ قويۇپ يېنىڭلار، بۇلارغا بىرەر ئادەم زىيان ـ زەخمەت قىلىپ قويمىسۇن، ئەگەر بۇنداق بولسا بىزگىمۇ ئوبدان بولمايدۇ“ دەپ مۇناپىقلارچە مۇبالىغە سۆزلەرنى تەكىتلەپ ئادەم قوشتى.

سەئىد خوجام باشلىق بۇ ئادەملەر ”خۇداۋەندەكېرىم بۇ ئەندىشىمىزنىمۇ ئاسان قىلغاندەك“ دەپ، ئىككى ـ ئۈچ مەنزىلگە بېرىپ، ئات ـ ئۇلاقلارنى ئوتلاققا قويۇپ، خاتىرجەمىلىك بىلەن غىزا ـ تاماقتقا تەييارلىنىپ، غىزالارنى يەپ ـ ئىچىپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. مەزكۇر قالماقلار ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، بايىقى قالماقلارغا خەۋەر بېرىپتۇ. ئۈشتۈمتۈت خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك بالا ـ قازادەك، نۇرغۇن قالماق كېلىپ، تالان ـ تاراج قىلىپ، بۇلارنىڭ بىر قانچىسىنى ئۆلتۈرۈپ نابۇت قىلىپتۇ. بىرنەچچىسىنى ئولجا ـ ئەسىر قىلىپتۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى قېچىپ، ئۆزلىرىنى ئىسسىق كۆل قاتارلىق يەرلەرگە ئېلىپتۇ. لېكىن سەئىد خوجام ئانىسىدىن تۇغۇلما يالىڭاچ، يېرىم جان، ئاچ ۋە سەرەسان ـ سەرگەردان بولۇپ، ئىلىدىكى كەنتلەرنىڭ بىرىگە بېرىپتۇ. بۇ كەنتنىڭ ئۇلۇغى بۇنىڭغا ئېگىن ـ ئاياق بېرىپ، ئىلىنىڭ سۇلتانى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپتۇ. خان خوجام پادىشا يەنە موللا ئاللا يار ئاخۇنۇمنى ئىلىغا ماڭدۇرغان ئىكەن. بۇ بىر شاگىرتى بىلەن تىنچ ـ ئامان ئىلىغا كىرىپتۇ. سەئىد خوجام بولسا، ئۆز بېشىغا كەلگەن ھادىسىلەرنى ئىلىنىڭ سۇلتانىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، سۇلتان ئۇنىڭغا ئۆز لايىغىدا تون كىيدۈرۈپ، تەمىنات تەيىنلەپ، ئوبدان جاي ـ ماكان قىلىپ بېرىپتۇ. لېكىن ئۇنىڭغا بەيئەت ۋە ئىتائەت قىلماپتۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ ”يالىڭاچ خوجام“ دېگەن نام بىلەن داڭقى چىقىپتۇ. چۈنكى، بۇ خوجاملار بارغىچە ئالامانچىلار ۋە جانپىدالار موللا شەۋكەت ئاخۇننى بىر گۇنا بىلەن بىكار قىلىپ، قاپقا سۇلاپ، تىرىك پېتى دەرياغا تاشلاپتۇ ـ دە، باشقا بىر ئادەمنى ئۆزىگە ئۇلۇغ قىلىپ سايلاپتۇ. بۇ ئۇلۇغنىڭ سەئىد خوجام قاتارلىقلار بىلەن كارى بولماپتۇ. بۇلار ئىلىدا ئىستىقامەت قىلىپ يۈرگەندە، زامان مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۆز يۇرتى كۇچارغا قايتىپ كېلىپتۇ.

بۇ چاغلاردا ھەبىبۇللا ھاجى پادىشا ھاجى بەگ غەزنىچىنى باسۇرۇق قىلىپ يانغاندىن كېيىن، ”ھەرقانداق بولسىمۇ، بۇ ياخشى ئىش بولمىدى“ دەپ، بىر تەرەپتىن شاتلىق ۋە يەنە بىر تەرەپتىن غەم ـ ئەندىشە قىلىپ، بۇ ئەھۋالنى بىرنەچچە كۈن مۇلاھىزە قىلىپ، ”بىز بولساق خوجاملار بىلەن بىر مەزھەپ، بىر دىندىكى مۇسۇلمانلارمىز، ھەرقانچە بولسىمۇ، ئۇلار بىلەن كېلىشىپ ئوبدان ئۆتۈشىمىز لازىم ئىدى“ دەپ، خوتەننىڭ ئوبدان ۋە كېلىشكەن زىلچىلىرى، مال ـ ماتاللىرى، ئات ـ ياراقلىرى ۋە نەق پۇل قاتارلىق سوغا ـ سالاملارنى راسلاپ، دوستلۇق رىشتىنى باغلاپ، ھەتتا ئىتائەت تۈزۈمىگە كىرىپ، زاۋا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن يامان ئىشلارغا ئۆزرە ـ خالىق قويۇپ، ئىنساب ماقامىغا كېلىپ ”ھاجى بەگتىن باشقا بىر ئادەم كەلسە ئىتائەت ۋە ئىتائەت قىلىپ، خىزمەتكارلىق قائىدە ـ رەسمىيەتلىرىنى كەلتۈرەر ئىدىم. شۇنداقلا ئۆزلىرى خاقانى چىننىڭ بىر سۆزلۈك ۋە بىر قوللۇق ئوبدان ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ، يامان ئادەملەر بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ پادىشالىق قىلپىلا، يەنى خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۇڭگانلار بىلەن ئىتتىپاق بولۇپلا، ئەگەر تۇڭگانلارنىمۇ يوق قىلغان بولسىلا ئىدى، مەن ئەلۋەتتە ئىتائەت ۋە ئىتائەت قىلار ئىدىم. ھەممە ئۆزلىرى بىزدىن بۇرۇن پايتەختتە ئولتۇرغان. بىزنىڭ ئىتائەت قىلىشىمىز لازىم“ دېگەن يوسۇنلۇق بىرنەچچە مۇلايىم ياخشى سۆزنى بەتكە تىزىپ خەت يېزىپ، ئەخمەت مىراپ بەگ دېگەن ئادەمنى باش قىلىپ، ئەللىك نەچچە ئادەم قوشۇپ ئەلچى قىلىپ كۇچارغا ماڭدۇردى. مەزكۇر ئەلچىلەر ئاقسۇغا كېلىپ بىرنەچچە كۈن توختاپ، ئاندىن كۇچارغا راۋان بولدى. بۇلار كۇچارغا بىر مەنزىل قالغاندا، خان خوجام ئالدىغا ئادەم ئەۋەتىپ، بۇلارنىڭ سوغا ـ سالاملىرىنى ئېلىپ كەتتى. ئەخمەت بەگ باشلىق ھەممە ئەلچىنى ئات ـ ئۇلاغ، سەرەنجانلىرىدىن ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى سايرامدىكى ئۆز ئورنى بىلەن تەڭ ئادەملەرگە چۈشكۈن ئورنىدا توتقۇن قىلىپ بېرىپ، بۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرسۇن دەپ قاتتىق يارلىق قىلدى. ئەلچىلەر سايرام كەنتلىرىدە بىر يىلچە تۇرۇپ، كۆرسىتىپ بەرگەن جايلىرىدىن ئۆتەن تۇتتى. ئاتالىق غازى بۇ جايغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋە ئەھلى ئاياللىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولۇپ قايتىپ كەلدى. ئەي ئاللا، چېچىلغانلارنى جەم قىلغۇچىدۇرسەن.

11

ئۇ ئالەمنى ياراتقۇچى ۋە ساقلىغۇچى ئاللانىڭ لۇتفى ئىنايىتى بىلەن سەيىد خوجا ئىسھاقنىڭ شەرققە تەرەپكە يۈرۈش قىلغىنى ۋە ئوشاقتالدا نۇرغۇن قارا چېرىكنى يوقاتقىنى، قارا شەھەرنى پەتىھ قىلىپ ئىگىللىشكە مۇيەسسەر بولغانلىغى ھەم بەزى باشقا ۋەقەلەر بايانى

ئاقىۋەتنى ئويلايدىغان يارەنلەر، دەۋردىن ئەندىشە قىلغۇچى بۇرادەرلەرنىڭ كۆڭۈل ۋە كۆزلىرىدىن مەخپى ھەم يوشۇرۇن قالمايكى، مۇنداق قىسسە ـ ھېكايە ۋە نەقىل ـ ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، راشىدىن خان غازى خوجام (ئاللا ئۇنىڭغا غەلىبە نۇسرەتلىرىنى ئاتا قىلغاي!) تەختى ئورنىدا ئولتۇرۇپ، مەشرىق تەرەپتىكى قارا شەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى كاپىرلارنىڭ ئەندىشە قىلىپ جار سېلىپ، ”خۇدا ۋە رەسۇلللانىڭ ھەق يولىدا جېنىنى پىدا ۋە تەكدىم قىلىپ، كاپىر ـ دىنسىز ۋە مۇشرىك زالىملار بىلەن غازات قىلىپ، غازىلىق مەرتىۋىسىنى خوش كۆرىدىغان ۋە شاھادەتلىك دەرىجىسىنى ئىزدەيدىغان بىر مەرد ـ باھادۇر بارمىكىن؟“ دېگەن چاغدا، توختى مۇھەممەت يۈز بېشى دېگەن بىر ئادەم كېلىپ، ”مەن بولىمەن، ئوشبۇ خىزمەتنى بەجا كەلتۈرۈپ، بۇ دەرىجىلەرنى ئارزۇ ۋە ھەۋەس قىلغان ئىدىم“ دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. خان خوجام ئىلتىپات قىلىپ، يۈز ئادەم تەيىنلەپ، باھاۋىددىن خوجام بىلەن ئايدىن خوجامنى باش قىلىپ، كاپىرلار بىلەن قىلىدىغان ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىققا يارلىق قىلدى. بۇلار بۈگۈرگە بېرىپ، ئۇ جايدىكى يۈزگە يېقىن كاپىرنى ئۆلتۈردى ۋە ئۇ جايدىن بىرمۇنچە ئادەم ئېلىپ كورلىغا ماڭدى. بۇ چاغدا بۈگۈردە سۇمۇللا دېگەن بىر تۇڭگان بار ئىدى. ئۇ تۇڭگانلارغا باش بولدى. خان خوجام ئۇلارنىڭ كېيىنىدىن خوجا ئىسھاق خوجام يەنە سىدىق دادخوا، مەمۇر خەلىپىلەر باشلىق بىر يۈز ئەللىك ئادەم ماڭدۇردى. بۈگۈرلۈك دۇئايى خەلىپە يەنە بۈگۈردىن يۈز ئادەم ئالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاق بولۇپ كورلىنى بېسىۋالدى، ئۇلار يەنە كورلىدىنمۇ ئادەم ئېلىپ، سانىنى كۆپەيتىپ، قارا شەھەرگە قاراپ قەدەم تاشلاپ راۋان بولدى. نەتىجىدە توغ ـ بايراق، ئەلەم، دەھۆل ـ دۇمباق، ئۇقيا ـ ساغداق، زەمبىرەك، مىلتىق، قورال ـ ياراق، كاناي، سۇناي ۋە داڭا ـ دۇمباقلارنىڭ ياڭرىغان ساداسى بىلەن لەشكەر، كەشلىكنىڭ دەبدەبىسى ۋە پادىشالىق داغدۇغىسى مەيداندا ياڭرىدى. ھەممە ئادەم خوشال ـ خوراملىق بىلەن بېلىنى مەھكەم باغلاپ، غازاتنى نىيەت قىلىپ، مەقسەت تەرىپىگە قاراپ دەريا لېۋىگە باردى.

بۇ چاغدا، كاپىرلار دەريادىكى كېمىلەرنى چېقىۋېلىپ، زەمبىرەك، مىلتىقلاردىن ئوق ئېتىپ، ئۇلارنى ئۆتكىلى قويمىدى. ئۇلار ئامالسىز بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، كورلا باتۇرلىرىدىن ئىسلام خەلىپە دېگەن ئادەم ”بۇ چوڭ يول بىلەن قارا شەھەرگە كىرگىلى بولمايدىغاندەك، شۇڭلاشقا باغراش كۆلىنىڭ ئايىغى بىلەن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئوشاقتالغا بېرىپ، ئاندىن ئارقىمىزغا يېنىپ قارا شەھەرنى ئالساق“ دەپ خۇددى ھەق ئاتالا ئىلھام بەرگەندەك، ناھايىتى ياخشى ۋە نۇرغۇن مەسلىھەت ـ كېڭەشلەرنى كۆرسەتتى. بۇ كېڭەشنى ھەممە ئادەم ماقۇل تۇتۇپ قوبۇل قىلىپ، كورلىغا يېنىپ كېلىپ، باغراش كۆلىنىڭ ئايىغى بىلەن ئايلىنىپ، توققۇز كۈندە ئوشاقتالغا بارسا، بۇ يەردە ئۇرۇمچىدىن كېلىپ ياتقان ئون سەكسىز مىڭ خىتاي چېرىگى بار ئىكەن. شۇ كۈنى يامغۇر يېغىپ چېرىكلەرنىڭ ھەممە ئەشيالىرى ھۆل بولۇپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، ئۇلار زەمبىرەك، مىلتىق ـ ياراقلىرىمۇ ھۆل بولمىسۇن دەپ، ئۇلارنى قۇمغا كۆمۈپ بىپەرۋا ياتقان ئىكەن. غازاتچىلار بارغان ھامان جەڭ باشلاندى. كۆپ ئۇرۇش بولدى.

ئىلگىرى خوجا جاھانگىر تۆرەم بۇ يەتتە شەھەرنى ئالغان چاغدا، بېجىن تەرەپتىن كەلگەن چېرىكلەرنىڭ باشلىغى ئاي جاڭجۈن دېگەن ئادەم بۇ شەھەرلەرنى تۆرەمىدىن تارتىۋالغان خىزمىتى ئۈچۈن، خاقانى چىنى بۇ شەھەرنىڭ تەربىيەتىگەردىسى ۋە ساقلىغۇچىسى دەپ، ئۇنىڭ نامىغا بېغىشلاپ، بۇ يەردە بىر كاتتا بۇتخانا بىنا قىلىپ، ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى قويۇپ، ئەقىدە قىلىدىغان بىر بۇتخانىسى بار ئىكەن ـ ئۇلارنىڭ ئاغزىغا تاش ساپال ۋە قارا تۇپراق تولسۇن! بۇ قېتىم كاپىرلار شۇ بۇتخانىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ كۆپ ئۇرۇش قىلدى. ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، تىغ سىياسىتىدىن ئۆتۈپ، سەرەنجام تاپتى. بېجىن تەرەپكە بىرەر كاپىرمۇ قاچالمىدى، ئاز قىسمى ئۆزىنى قارا شەھەرگە ئالدى. بۇ چاغدا تۇرپان تەرەپتىن ئىككى نەپەر ئاتلىق خىتاي بېپەرۋا ۋە بىغەم چىقىپ كەلدى. قالماقلار بۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ خوجاملارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈردى. تەكشۈرۈپ كۆرسە، ئۇلارنىڭ يېنىدىن خەت چىقىپ قالدى. بۇ خەت قارا شەھەر ئامبىنىغا بېرىلىدىغان خەت ئىكەن. خەتتە بىر قانچە كاتتا مەنسەپدارنىڭ نام ـ نەسەپلىرىنى يېزىپ، ”بىز ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغى بىلەن سىزلەرگە يار ۋە مەدەت بولۇش ئۈچۈن يىگىرمە مىڭ (كېيىنكى مەزمۇنلاردا ”يىگىرمە تۆت مىڭ“ دەپ بايان قىلىنىدۇ ـ ت) چېرىك، تۆت يۈز يەتمىش زەمبىرەك، ئىككى يۈز ھارۋىدا ئوق ـ دورا ۋە قورال ـ ياراق بىلەن كەلدۇق. يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن ئوشاقتالغا بارىمىز. بىزگە كېرەكلىك ئوزۇق ۋە ئوت ـ بوغۇز چىقارسۇن“ دېگەن مەزمۇندىكى خەت ئىكەن. خوجاملار بۇ ئەھۋالنى ھەممە ئادەمگە ئېلان قىلىپ، ”ئۇلاردىن ۋاقىپ بول، ھازىر بول“ دەپ تۇرغان بىر پەيتتە، ئۇ تەرەپتىن توغلار نامايان بولدى. توغ ئىچىدىن قارا چېرىكلەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئىسلام لەشكەرلىرى بۇ چاغدا چۆلنىڭ ئاغزىنى ۋە سۇنىڭ ياقىسىنى قولدا تۇتۇپ ياتقان ئىدى. مەزكۇر چېرىكلەر بىپەرۋا، بىخەۋەر ھالدا ”بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئوزۇق ئېلىپ چىققان ئادەملەر ئوخشايدۇ“ دەپ تېخىمۇ يېقىن كەلدى. بۇ چاغدا خۇددى ئاللانىڭ بالا ـ قازاسى كەلگەندەك، بىر تەرەپتىن ئىسھاق خوجام ۋە توختى مۇھەممەت خەلىپىلەر، بىر تەرەپتىن باھاۋىدىن خوجام، مەمۇر خەلىپىلەر ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئايدىن خوجام، دۇئاي خەلىپە سۇمۇللالار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ تەگبىر ئېيتىپ، ئات چاپتۇرۇپ قىرغىنچىلىققا ئۆتتى. لېكىن، توساتتىن قارا چېرىكلەر ئايدىن خوجامنى كېيىندۈردى. ئىش ئەكسىگە چۈرگىلەپ قاراپ ماڭدى. بۇ ئەھۋال ئاستىدا ئىسھاق خوجام دۇئاغا قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاللا دەرگاھىغا ئاجىزلىغىنى بىلدۈرۈپ شىپا تىلەپ، لەشكەرلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى جەڭ ـ غازاتقا تەرغىپ قىلىپ رىغبەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردىنلا يىغا ـ زارىلىرنى قىلىپ، ”ئاللاغا تەۋەككۈل“ دەپ، جان ـ دىلى بىلەن ئۇرۇش ۋە سۇقۇشقا ئۆردى. ئوڭ قاناتنى سول قاناتقا، سول قاناتنى ئوڭ قاناتقا يۆتكەپ، تەڭگەدىن كەچكىچە ۋە كېچىدىن تاڭ ئاتقىچە، ھەتتا چۈشتىن پېشىنغىچە بولغان ئارىلىقتا چاپ ـ چاپ دېگەن ئاۋازلار، ”ھازىر بول“، ”ۋاقىپ بول“ دېگەن سادالار ۋە توپ ـ زەمبىرەكلەرنىڭ پەريات ـ پىغانى يۇلتۇز پەلەكتىن ئۆرلىدى. ئاقىۋەت پەتىھى زەپەر ئىسھاق خوجام تەرەپتىن ئېچىلدى. بىر كېچە ۋە ئىككى كۈندۈز كۈچلۈك كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى تازىلىدى. ئۇلارنىڭ بېشىنى ئىلگۈرگىچە ئۇنى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرگىچە ئوتتۇزى ئۆزىنى ئۆزى ھالاكەتكە يەتكۈزدى. ئۇلار دۈشمەن قولىدا ئۆلۈشنى ئار ۋە نومۇس دەپ بىلىدىكەن.

ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى ئۆزى ھالاكەت قىلىشىپ بەرمىگەن بولسا، بۇ بەش كېچە ـ كۈندۈزدە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكىلى بولماس ئىدى. چۈنكى، ئىسلام لەشكەرلىرى ئىككى مىڭغا يەتمەيتتى. كاپىرلار بولسا يىگىرمە تۆت مىڭ بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىدى. پەقەت مىڭ ئادىمىلا جېنىنى جايلىيالىدى. قالغانلىرى تامامەن يوق بولدى.

بۇ ئارىلىقتا ئىسلام لەشكەرلىرىگە سۇ ئىچىشكە پۇرسەت بولمىدى ۋە ياكى تائام يېيىشكە ئارام ۋاقىت چىقمىغان ئىدى. ئۇلار بىرئاز سەرەنجام بولۇپ، غىزا ـ تاماقتقا مەشغۇل بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، قارا شەھەردىن يەتتە مىڭ خىتاي چېرىگى، ئۈچ مىڭ قالماق چېرىگى ئالتە ھارۋىدا ئوق ـ دورا، توپ ـ زەمبىرەك ۋە ئىككى يۈز ئەللىك تۆگىگە ئوزۇق ھەم جەڭ ئەسۋاپلىرىنى يۈكلەپ، قارا شەھەردىن چىقىپ ئوشلۇغۇ دېگەن مەنزىلگە كېلىپ چۈشتى دېگەن خەۋەر كەلدى. ئۇلارنىڭ كېلىشىدىن يا تائامنى يۇتۇمدى ۋە يا باشقا ئىشلارنى خىيال قىلىشقىمۇ پۇرسەت بولمىدى. ھەممىسى بىر نىيەت، بىر ئىتتىپاق بولۇپ، غازات قىلىپ، جاننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە كاپىر ھەم قالماقلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى نىيەت ۋە مەقسەت قىلىپ، قارا شەھەرگە قاراپ راۋان بولدى، ئوتتۇز يول مىقدارى يۈرۈپ چۇقۇر دېگەن جايدا خىتايلار بىلەن ئۇچراشتى. ئارىدا جەڭ قىرغىنچىلىق باشلاندى، ئاقىۋەت خوجا ئىسھاق خوجام ئۆزىگە چۇمىغىنى قولىغا ئېلىپ، شۆھرەتلىك باتۇرلىرى بىلەن بىللە كاپىر چېرىكلىرىنىڭ ئۈستىگە ئات چاپتۇردى. بۇ چاغدا كاپىرلار تۆگىلىرىنى چۆكتۈرۈپ، ھارۋىلىرىنى قاتار قىلىپ تىزىپ، دالدا ۋە پانا قىلىپ، ئوق ئاتماقتا ئىدى. ئۇلار ئات چاپتۇرغاننى كۆرۈپ ”ئەمدى ئىشىمىز يامان بولدى“ دەپ تۆگىلىرىدىكى دورىغا ئوت قويىدىمۇ، ياكى خۇداۋەندەكېرىمنىڭ پەزىل ئىنايىتى بىلەن ئۆزى ئوت كەتتىمۇ، ئىش قىلىپ، نۇرغۇن دورىغا ئوت كەتتى، تۆگە ۋە قورال ـ ياراقلارنى ئاسمان ـ پەلەك كۆتۈرۈپ، دورىلارنىڭ ئىس ـ تۈتۈنلىرى ۋە ئاتلارنىڭ ئايىغىدىن چىققان چاڭ ـ توزاڭلار، بۇ ئوزاقلىق زېمىن يۈزىنى قاپلاپ قاراڭغۇ قىلىپ، ئاپتاپ نۇرىنى سۇسلاشتۇرۇپ خىرە قىلدى. ھېچقانداق ئىنسان كۆرۈشۈشنىڭ كۆز نۇرى كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئايرىپ پەرقلىندۈرۈشكە مۇمكىنچىلىك تاپالمىدى. گۇيا ئالەمىدە قىيامەتنىڭ جازا مەيدانىدىن بىر نەمۇنە ۋە ئاخىرەت كۈنىدىن بىر نىشانە ئاشكارا پەيدا بولدى. كاپىرلار قاچتى، خوجاملار قوغلىدى.

شۇنداق قىلىپ، خوجاملار ئوشلۇغۇ دېگەن مەنزىلگە بېرىپ ئارام ئېلىپ، ئەتىسى قالماقلارغا يول باشلىتىپ، قارا شەھەرگە يېقىن يەتكەندە، ئىراۋۇلچى خىتايلاردىن ئىككى خىتاي قولغا چۈشتى. بۇلار سۇراقتا ”چوڭ يولغا تەيپۇ ـ زەمبىرەكلەرنى قۇرۇپ تەييارلاپ قويدى“ دېدى. خوجاملار قالماقلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە چوڭ يولنى تاشلاپ، سول قولغا قاراپ، قارا شەھەرنىڭ كۈن يۈرۈشى تەرىپىدىن ئۆتۈپ، شەھەرنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى تېرىكلىك دېگەن يەرگە چۈشتى، بۇ يەرنىڭ تەرىپى دەريا، بىر تەرىپى تاغ ۋە بىر تەرىپى چۇڭقۇر ئۈستەڭ ئىدى. شۇ كۈنى تامامى شەھەرنىڭ تېشىدىكى ۋەي شاڭ بازارلىرىدا تۇرغان كاپىرلارنى تامامەن ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، قاتتىق جەڭلەرنى قىلدى. كاپىرلارنىڭ ئۆلگەننىڭ كۆپلۈگىدىن ماڭغىلى يول تېپىلمىدى. لېكىن، ئۇرۇش قىلغان يەردە ئىككى كاتتا ئۈستەڭ بار ئىكەن. چۇڭقۇرلۇغى ئىككى نەيزە مىقدارى بار ئىدى. بۇ ئۈستەڭلەر كاپىرلارنىڭ ئۆلۈگى بىلەن توشۇپ، سۈيى تولغىنىپ تېشىپ چىقىپ، ھەر تەرەپكە ئېقىشقا باشلىپتۇ. ئۈستەڭ سۈيىنىڭ رەڭگى قىزىل قانغا بويىلىپ، سۇدىن قانغا ئايلىنىپ كەتتى. قارىماققا قىپ ـ قىزىل قان ئاقاتتى.

سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، مۇشۇنداق ئۇرۇش ـ جەڭلەردىن كېيىن سېپىل ئىچىدىكىلەردىن باشقا كاپىر قالمىدى. لېكىن، سېپىل ئىچىدىكى كاپىرلار سېپىلدىن ئوق ئېتىپ، خۇدىن تاشلاپ، ئەسلا يېقىن كەلتۈرمەيتتى. شۇ ھالەتتە خوجاملار ھارۋىلارنى ئېلىپ كېلىپ قاتار قىلىپ، تۆگىلەرنىڭ جازىسىنى سۇغا چىلاپ ھۆل قىلىپ، ھارۋىلارنىڭ ئۈستىنى توشقۇزۇپ، بىر قانچە باتۇرنى ھارۋىنىڭ ئاستىغا كىرگۈزۈپ، ھارۋىنى ماڭدۇرۇپ دەرۋازىغا ھەيدەپ بېرىپ ئوت قويدى. كاپىرلار دەرۋازىنىڭ كۆيگەنلىگىنى كۆرۈپ ھوش ـ كاللىسىدىن كەتتى. ئۆي ـ سەرگۈلەردىن تامامەن ئايرىلىپ، يورۇق جاھان ئۇلارنىڭ كۆزىگە گۇيا قاراڭغۇ كۆرۈندى. قوللىرىدىن قورال ـ ياراقلار چۈشۈپ كەتتى. پۇتلىرى ھەرىكەتتىن توختىدى. ئۆلۈك ـ تىرىكلىگىدىن بىخەۋەر بولۇپ ھاڭۋېقىپ، دىڭ تۇرۇپ قالدى. بۇ چاغدا قالماقلارغا خوجەڭ قازى دېگەن ئۆتچى بولغان ئىكەن. ئۇ قالماقلارغا ”سىلەر خوجاملارغا ئوق چىقارماڭلار، ئەگەر ئۇلار بىرلا دۇئا قىلسا ھەممە نەرسىگە ئوت كېتىدۇ“ دەپتۇ. بۇ سۆز قالماقلارغا ماقۇل چۈشۈپ، بۇلارمۇ خىتايلارغا ”بىز خوجا جاھانگىر زامانىسىدىن تارتىپ، نەچچە قېتىم خاننىڭ يارلىغى بىلەن قەشقەرگە بېرىپ خوجاملار بىلەن ئۇرۇشتۇق، بىزگە ياخشىلىق كەلمىدى، ئارىمىزدا كېسەل پەيدا بولۇپ نۇرغۇن ئادىمىمىز ئۆلۈپ كەتتى. چارۋا ماللىرىمىزغا چېچەك چىقىپ يوقالدى. بىز خوجاملارغا ئوق ئاتمايمىز“ دەپ ئۆزلىرىنى ياققا ئالدى ۋە زادىلا ئوق چىقارمىدى. بۇ چاغدا ئىسلام لەشكىرى شەھەرگە كىرىپ، بىر تەرەپتىن ئوت قويۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن قىرغىن قىلىپ، شەھەرنىڭ ئىچىنى ۋەيران قىلىپ، قارا شەھەرنى شۇم قۇشلارغا ئۇۋا ۋە دۆ ـ پېرىلەرگە جاي ـ ماكان قىلىپ بېرىپ، كاپىرلارنىڭ جېنىنى جەھەننەم تەرەپكە يولغا سالدى. نەزىم:

شاھقا ئەگەر، بولسالار بەختى يار،

بولۇر پەتىھ نۇسرەت شاھلارغا دۇچار.

نەتىجىدە بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆلگەن مەنسەپدارلار، چېرىكلەر، مەيىمەچىلەر ۋە خۇيجالار بولۇپ چوڭ ـ كىچىك ئىككى يۈز مىڭدىن زىيادە كاپىر مۇشرىك نىست نابۇت بولدى. لېكىن، مۇسۇلمانلاردىن شاھادەتلىك دەرىجىسىگە ئېرىشكەنلىرى ئىككى يۈزگە يەتمەيتتۇ. ئۈچ يۈزگە يېقىن ئادەم يارىدار بولۇپتۇ. سەيىد غازى خوجا ئىسھاق ياراتقۇچى ئاللانىڭ لۇتپى ئىنايىتى بىلەن ھەممە ئەسكەرلىرى ۋە باشقىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ غەلىبىگە ئېرىشىپ، ياراتقۇچى ۋە ساقلىغۇچى ئاللا دەرگاھىنىڭ پاك مۇبارەكلىرىگە شۈكۈرى ۋە سانالارنى بەجا كەلتۈرۈپ، تەشەككۈر نامىزى ۋە ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلدى، ھەممە ئادەم مۇبارەكبادلىق ساداسىنى كۆك رەڭلىك پەلەكتىن، ھەتتا يەتتە قات ئاسماندىن ئۆتكۈزۈپ، پەرىشتە ـ مەلايىكە گۈزەللىرىنىڭ ئىچىگە غۇلغۇلا ۋە پەرىشانلىق سالدى.

دەرۋەقە، بۇ يۇرتلاردا، بەلكى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن بۇ دەۋرگىچە بولغان يەر يۈزىدە، مۇنداق نۇرغۇن دىنسىز چېرىكلەرنىڭ جەڭ غازاتتا قورال ـ ياراقلىرى ئۆزىدىن كەمدىن ـ كەم ۋە ئازدىن ـ ئاز مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىت ۋە بىرلا جايدا نىست ـ نابۇت قىلىنغانلىغى ھەققىدە ھېچقانداق تارىخ كىتاۋىدا بىرەر مەلۇمات يېزىلمىغان ۋە ئاڭلانمىغان. لېكىن «رەۋزە تۈسساپا» ۋە «تارىخى گۈزىدە» (ئۇتتۇرىخان ـ ت) دېگەن كىتاپلار ۋە يەنە باشقا كىتاپلاردا بايان قىلىنىشىچە، بىرلا ۋاقىتتا بۇنىڭدىن كۆپ مۇسۇلماننىڭ ھالاك بولغانلىغى شاھادەتلىككە يەتكەنلىگى ۋە كاپىر ـ مۇشرىكلارنىڭ غالىپ بولغانلىغى مەلۇم. لېكىن بۇ قېتىمقى غازاتتا مۇسۇلمانلار غالىپ بولۇپ، كاپىر ـ مۇشرىكلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. بىراق غەمكىن ۋە مالاللىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىنتىلگەن مۇسۇلمانلارغا يۈزلىنىپ، كاپىرلارنىڭ ئۈستىدىن ئىستىلا تېپىشقا سەۋەپچى بولغان بۇ غازات خوشاللىغىنى بۇ زامان كۆزى ۋە دەۋران قۇلىغى تېخى كۆرمەپتۇ ۋە ئاڭلىماپتۇ.

سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، بۇ رەسۇلۇللا ئەۋلادى بولغان سەيىد غازى خوجا ئىسھاق (ئاللا ئۇنىڭغا غەلىبە ۋە نۇسرەت ئاتا قىلغاي!) يەنى ساھىبى ياراق ھەم قورال چوماقنى ھەممە خەلىپە، باتۇرلار، شۇنىڭدەك بىرنىيەت، بىر ئىتتىپاققا ئۇيۇشقان مۇسۇلمان، تۇڭگانى ۋە قالماقلار بىرلىشىپ، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ناغرا، كاناي ۋە داڭا ـ دۇمباق تەنتەنە بىلەن ئۆزلىرىگە چوڭ ۋە ئەمىرى لەشكەر قىلىپ سايلاپ، ئۇنىڭغا بولغان پەرمانبەردار ۋە خىزمەتكارلىق ئورنىنى ئۆزلىرىگە پەخرى ۋە ئىپتىخار بىلىشىپ، بوينىنى تۆۋەن ئېگىپ، تازىم ۋە ھۆرمەت قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ، قارا ـ كۆڭۈللۈك ۋە دۈشمەنلىكتىن خالاس بولدى، نەزىم:

مەسىنەدى شاھلىقتا ئولتۇردى سائادەت كۈنلىرى،

تەختكە چىقتى ئېچىلىپ غۇنچە يېغلىغ باغلارى.

ئەسلىدە يەتتە پۇشتىدىن بۇيان جىنازە سۈپەتلىك ئۇرۇق ئاتقا لىگگىرچاققا ئوخشاش ئىگەر توقۇپ، ياغاچتىن ئۆزەڭگە ۋە شۇيىنى قوشقۇن قىلىپ كەلگەن بۇ سەھرالىقلار بۇ قېتىمقى غازات جېڭىدىن كېيىن قالماق ئاتلىرى ۋە قازاق توپچاقلىرىغا يۈز سەر كۈمۈشكە ئەرزىيدىغان بېجىن ئىگەرلىرىنى توقۇپ، ئالتۇن ـ كۈمۈش بىلەن سۇۋارى قىلىپ بېزەلگەن ئۆزەڭگە، قۇشقۇنلارنى سېلىپ ئاتلىق بولدى. ئەسلىدە ياز كۈنلىرى بېشىغا ئوگلوققىنا بۆك كىيىدىغان، سوغاق ۋە ئىسسىق كۈنلەردە كىيىشكە تۇماق تاپالمىغان ھەم ئىككى يېرىم باغلىق بۆز خامنى مېھمانلىق تون، كۆينەك ۋە تامبال قىلىپ كىيگەن، بەش تەڭگە پۇلنى خىراجەت ئۈچۈن يېنىغا سېلىپ باقمىغانلار، ئەمەللىكىگە خەتە قويۇلغان تۇماق ۋە تۈلكە سۇلۇسىدىن تىكىلگەن جۇۋا كىيىپ، تاۋار ـ دۇردۇننى پايتىما قىلىپ، شۇيىنا خۇرۇنلارغا تولغان پار ـ پۇر ئالتۇن، كۈمۈش ۋە لوپ تاغارلىرىغا تولغان تاۋار ـ دۇردۇن قاتارلىق نەرسىلەرگە ئىگە بولدى. ۋاھالەنكى، پانسەت، يۈز بېشى، خەلىپە، باھادۇرلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ئولجا ـ غەنىمەتلەرنىڭ يەنە قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىگىنى بۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگەيسىزلەر.

ئەلقىسسە، قارا شەھەر پەتىھ بولۇپ يۇرتنى سەرەنجام قىلغاندىن كېيىن، خوجاملار ئوتتا كۆيمەي قالغان توپ ـ زەمبىرەك، مىلتىق ۋە باشقا قورال ـ ياراقلارنى ۋە غەنىمەت ئېلىنغان غەزىنە مۈلۈكلىرىنى يىغىش ھەم جان تالاشقان ياكى يېرىم جان بولۇپ ياتقان قارا چېرىكلەرنى يەنە ئۆلگەنلەرنىڭ قاتارىغا قوشۇش ئۈچۈن، ئوشاقتالغىچە بولغان جايلاردىن خەۋەر ئېلىپ، تەكشۈرۈپ بارسا، ئوشاقتالنىڭ شەرققەدىكى تاشلىق قارا ساي كاپىرلارنىڭ قېنى بىلەن گۇيا قىزىل كىگىز يايغاندەك قىزىل سايغا ئايلىنىپتۇ ھەم پەرھات قەۋرىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئوۋرۇكسىز تاغ بولسا ئۇنىڭ دەشتىدىكى لالزارلىقتىنمۇ رەڭگا ـ رەڭ بولۇپ كېتىپتۇ. ئەمدى بۇ سۇقىمسىز يېڭى تاغ لالزارى بولسا پەرھات قەۋرىسىنىڭ ئەتراپىدىكى لالىلاردىن رەڭ بىلەن بەس ـ بەس قىلىپ، ئوشاقتال قىزىللىغىدىن بىر نەمۇنە ۋە نىشان بولۇپ قاپتۇ. خوجاملار بۇ جايلارنى سەيىر ـ تاماخا قىلىپ، خۇداۋەندەكېرىمنىڭ ئولۇغ ئىلتىپاتىغا شۈكۈرى سانالارنى بەجا كەلتۈرۈپ، قورال ـ ياراق، ئىگەر ـ توقوم ۋە ئات ـ ئۇلاغ ھەم ئالتۇن ـ كۈمۈشلەرنى ئېلىپ ياندى. ئەمدى بۇ پەتىھى تەلەي ـ بەخت خوش خەۋەرىنى پەتىھنامە قىلىپ، كۇچار دار سەلتەنەتىگە ئەۋەتىش لازىم ۋە زۆرۈر بولدى. خوجاملار قورال ـ ياراق، توپ ـ زەمبىرەك، ئالتۇن ـ كۈمۈش، پاكىز ۋە خوش پۇراقلىق چاي، چىرايلىق چىنە قاچا ۋە كۆزگە يېقىملىق تاۋار ـ دۇردۇن قاتارلىق سوغا ـ سالاملارنى راسلاپ، توختى مۇھەممەت يۈز بېشىنى باش قىلىپ، كۇچارغا ماڭدۇردى.

لېكىن، كۇچار بۇزۇلغان كۈنلەردە ئەخمەت ۋاڭ بېگىم كۇچاردا ئىدى. بۇ كۇچاردا بولغان ۋەقە ـ ھادىسىلەرنى قەغەز بېتىگە بىر ـ بىرلەپ تىزىپ، ئۇلۇغ خانغا ئەرز قىلىپ، ئوغلى ھامىت تاجى ھاكىم بېگىمگە ئۈچ نەپەر ئىشەنچلىك ئادەم قوشۇپ، تاغلارنىڭ ئىچى ۋە قالماقلارنىڭ ئارىسى بىلەن قارا شەھەر ۋە ئۇرۇمچىگە ماڭدۇرغان ئىكەن. مەزكۇر تاجى بەگ قالماقلارنىڭ ئىچى بىلەن مېڭىپ قارا شەھەرگە بېرىپتۇ. ئەرزنى ئۆرتەڭ ـ پوچتا ئارقىلىق خانغا ئەۋەتىپ، قارا شەھەردە تۇرۇپ قالغان ئىكەن. قارا شەھەر پەتىھ بولغاندىن كېيىن مەزكۇر تاجى بېگىم جېنىنى ئېلىپ ئىسلام لەشكەرلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، ئۆزرە ـ خالىقتىن گەپ ئېچىپ، توۋا ـ ئىستىغپار قىلىپ تۇرۇپتۇ. مەزكۇر پەتىھ ئىگىسى بولغان سەيىد غازى ئىسھاق خوجام ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئولۇغلۇغى ۋە بىر يۇرتداش ئىكەنلىگىنى ئويلاپ گۇنايىدىن ئۆتۈپ، كۆڭلىنى خوشال قىلىپ، ئەپۇ قەلىمىنى سۈردى ھەم ئوشبۇ بانا ۋە خوشلۇقنىڭ سەۋەپلىرى تۈپەيلىدىن راشىدىن خان خوجامدىن ئۇنىڭ گۇناسىنى تىلەپ، ئالاھىدە ئەرز قىلىپ، ئۇنى توختى مۇھەممەت باتۇر يۈز بېشىغا قوشۇپ كۇچارغا ماڭدۇردى. توختى مۇھەممەت باتۇر يۈز بېشى قارا شەھەردىن چىقىپ كۇچارغا كېلىپ، سوغا ـ سالام تارتۇقلارنى خان خوجام ئالىلىرىنىڭ نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلىدى. جۈملىدىن ئەرز بىلەن قوشۇپ تاجى بېگىمنىمۇ خان خوجام ئالى مۇقاملىرىنىڭ نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزدى. خان خوجاممۇ شاھانىلىق ئىلتىپات ۋە ئۇلۇغ مەرھەمەتلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇنايىغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ، خوجا ئىسھاق خوجامنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى. لېكىن، ئىككى ئادىمىنى سىياسەتتىن ئۆتكۈزۈپ دارغا ئاستى.

تاجى بېگىم خوجا ئىسھاق خوجامنىڭ بۇ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئادىمىگەرچىلىك ياخشىلىقلىرى بىلەن قايتۇرۇپ، ئۇرۇق ـ تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىنى تىكلەشنى قارار قىلدى. شۇڭلاشقا، ئۇ نومۇس پەردىسى ئىچىدىكى قىممەت باھا بىر يەككە گۆھەردەك، خوش مۇئامىلە، ئاپتاپ كۆزىدىن باشقا كۆزنىڭ كۆزى چۈشمىگەن ۋە ئاي نۇرىدىن باشقا نۇرنى كۆرمىگەن، ئېپپەت زامان، ياخشى دەۋران، چولپان يۇلتۇزىدەك يالغۇز بىر قىزى بار ئىدى، بۇ قىزنى ئىسھاق خوجامنىڭ كۆز نۇرى بولغان پەررۇخشاھ خوجامنىڭ ئەقسىدە ـ نىكاھىغا سۇندى. بۇ خوجام سەيىد بولغىنى بىلەن، پۇقرا ـ خالايىققا ئوخشاشلا ئادەتتىكى دۇئاگۈيلۈق ئورنىدا ئىدى. بۇ ۋاڭ بېگىملەر بولسا ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن تارتىپ يۇرت سۇراپ كەلگەن پادىشالىق مۇقامى ۋە جەھرە كەسىدە ئىدى. ئەگەر خۇداۋەندەكېرىم مۇشۇنداق يوللار بىلەن مۇيەسسەر قىلمىغان بولسا ئىدى، بۇ خوجاملار ئۇ ئۇلۇغلارنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك خانىدانلىرىغا سۆز سۇرۇشقا مۇيەسسەر بولالمايتتى. بۇ سۆزىمىزنىڭ توغرىلىغىنى بۇ ۋەقەنىڭ كېيىنكى نەتىجىسى تولۇق ئىسپاتلىدى.

يەنى خاقانى چىن ئەھلى كېلىپ بۇ يەتتە شەھەرنى ئىتائەتكە كىرگۈزگەن چاغدا، مەزكۇر تاجى بېگىمنى قەشقەرگە ھاكىم قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىسلام دەۋرىدە ئاتالىق غازىنىڭ پەرمانى بويىچە خوجا ئىسھاق خوجام بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ياركەنتتە تۇراتتى. خاقان مەنسەپدارلىرى بىلەن چېرىكلىرى بۇ يەرگە كەلگەندە، خوجام ئۇلاردىن قورقۇپ ئەندىشە قىلىپ، بالا ـ پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ فەرغانە ۋىلايىتىگە چىقىپ، ئوش دېگەن شەھەردە تۇرۇپ قالغان ئىدى، تاجى بېگىم دەل مۇشۇ كۈنلەردە قەشقەرگە ھاكىم بولغان ئىدى. بۇ ئوشتىكى ئىسھاق خوجامغا قىزىمنى سېغىندىم دېگەن بانا بىلەن خەت يېزىپ، قىزىنى ئەۋەتىشنى سۇرىدى ۋە ئالدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى چىقىرىپ ئالماقچى بولدى. ئىسھاق خوجام ئوغلى پەررۇخشاھ خوجامغا بارلىق ئائىلە پەرۋەندىلىرى ۋە يەنە بىر ئوغلىنى قوشۇپ ”قاراۋۇلغىچە ئاپىرىپ قويۇپ بۇلارنى تىنچ ـ ئامان قاراۋۇلدىن ئۆتكۈزۈپ، قايتىپ كېلىڭلار، قەشقەرگە كىرمەڭلەر“ دەپ كۆپ تەكىتلەپ يولغا سالدى. لېكىن، تاجى ھاكىم بېگىم ئالدىقاچانلا قاراۋۇلچىلىرىغا ”ئەگەر خوجالار قاراۋۇلغا كەلسە، مەيلى قانداق قىلىپ بولسىمۇ ئۇلارنى تۇتۇپ قەشقەرگە ئەۋەتىڭلار“ دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىكەن. بۇ خوجالار قاراۋۇلغا كېلىشى بىلەنلا ئۇلارنى تۇتۇپ، دەرھال قەشقەرگە ئېلىپ كەلدى. خوجاملار ئۈچ ـ تۆت كۈن كوچا ـ بازارلاردا يۈرگەندىن كېيىن، تاجى بەگ ”ئىلگىرى يۇرتنى بۇزغان كۇچارلىق خوجاملار يەنە ئەنجاندىن كېلىپتۇ“ دەپ لوشىي دارىڭغا (154) مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنى دېگىزىدا نەزەربەنت قىلىپ، قىزىنى چىقىرىۋېلىشنىڭ كويىغا چۈشتى. بۇ قىزىمۇ نەچچە بالىلىرىم بار ئىدى، دەپ، بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە، لوشىي دارىڭ بۇ خوجازادىلەرنى يوقلاپ سۇراپ، بىر مەنسەپدارى بىلەن بىر تۆگىچىسىگە ئىككى يۈز سەر كۈمۈش بېرىپ ”كۇچارلىق خوجاملارنىڭ ئوغۇللىرى بىزنى كەلدى دەپ قورقۇپ ئەندىشە قىلىپ، ئەنجانغا كەتكەن ئىكەن. ئەمدى يەنە ئۆز يۇرتىمىزغا كېلەيلى دەپ، ئۇلۇغ خاننىڭ كۆچۈرۈلمىگىنى سېغىنىپ كەلگەن چاغدا، ھاكىم بەگ خوجالار ئەنجاندىن كەلدى دەپ ناھەق مەلۇم قىلغاندا، مەن ئۇلارنى سۇلاپ قويۇسۇن دەپ يارلىق قىلغان ئىدىم، سەنلەر بۇ كۈمۈشنى ئېلىپ بېرىپ، خوجالار ياتقان ئۆيگە كىگىز ـ كۆرپىلەر، قازان، چۆگۈن، چىنە قاتارلىق لازىم نەرسىلەرنى راسلاپ ئاپىرىپ بېرىپ، ئاشقان كۈمۈشنى خوجالارنىڭ خىراجىتىگە بېرىڭلار“ دەپ يارلىق قىلىپ ئەۋەتتى. بۇلار بۇيرۇق بويىچە لازىمەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى خوجازادىلەرگە تەييارلاپ بېرىپ ئۆچۈرنى مەلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خوجازادىلار ئون ئالتە ئاي مىقدارى نەزەربەنتلىكتە ياتتى. ئاخىرى لوشىي دارىڭ تاجى ھاكىم بېگىمگە يارلىق قىلىپ ”بۇ خوجالارغا ئۆزۈڭ بولدى، سىزنىڭ سۆزىڭىز بىلەن سۇلۇنۇپ قالغان ئىدى. ئۇلارغا ۋابال بولدى، يەنە ئۆزىڭىز ئۇلارنى تىلەپ ئالسىڭىز“ دېدى. تاجى ھاكىم بېگىم تىلەپ ئەرز تۇتتى. لوشىي دارىڭ بۇ ئىككى خوجازادىنى ئالدۇرتۇپ كېلىپ ”ئۇلۇغ خانغا چوڭ خۇدانىڭ ئاچچىغى كېلىپ قايىپ كېتىپ، بۇ يۇرتلارنى سىزلەرنىڭ دادىڭىزلارغا تاپشۇرغان ئىكەن. ئەمدى چوڭ خۇدا ئاچچىغىدىن يېنىپ يۇرتلارنى ئۇلۇغ خانغا تاپشۇردى. ئۇلۇغ خان بۇرۇن ھەرقانداق ئادەمنىڭ گۇناسىدىن ئۆتكەن ئىدى. ئەمدى بىز كەلمەستىن كېيىن سىزلەر يەنە بىر گۇنا ئۆتسە، قائىدە بويىچە پەيلىمىز (جازا بېرىمىز ـ ت)، ئىلگىرى قىلغان گۇنايىڭلارغا بۈيۈجىڭ (كېرەك يوق ـ ت)، تىنچ بولۇپ پۇقراچىلىق قىلىڭلار“ دەپ قويۇپ بەردى.

يەنە شۇ كۈنلەردە ئۇلۇغ خاندىن ”پۇقرالىرىم ئالغان خوتۇنلىرىنى قويۇپ بەرمەسلىگى لازىم. ئەگەر خوتۇننى قويۇپ بەرسە ياكى خوتۇنلار ئەركىلىرىدىن چىقىپ كەتسە، ئۇلارغا قاتتىق جازا بېرىگەندىن تاشقىرى، بۇ گۇنايىدىن ئۆمۈرباقى ئۆتۈلمەيمەن“ دەپ يارلىق كەلگەن ئىدى. بۇ يارلىقنى شەھەر ـ شەھەرگە ئېلان قىلىپ، بازار ـ گۈزەرلەرگە كۇسى خەت (گۈگسى خەت ـ ت) چاپلىدى، بۇنى كۆرگەن تاجى بېگىم كۆڭلىدىكى مەقسەت مۇددىئالىرىنى ئاشكارا قىلالمىدى.

سەيىد غازى ئىسھاق خوجام بولسا مۇلايىم، خۇش خۇي، كۆڭلى ئوبدان ۋە ساددا مىجەز، توغرا، خۇش مۇئامىلىلىك، شىجائەتلىك، پۇقرا ئەندىشە، ئىش ھۆكۈمدە ئادالەتلىك كىشى ئىدى. خۇددى «ھەدىس شېرىپ»تە خەلق ئۆز پادىشالىرىنىڭ دىنىدا بولىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەندەك، نۇسرەتلىك لەشكەرلىرى ۋە خاسىيەتلىك پەر ـ زەنت ـ مېۋە شاخلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىمۇ ئوبدان، نىيەتلىرى ساپ ئىدى ۋە يەنە خۇددى «ھەدىس شېرىپ»تە، ئەمەل بولسا نىيەتكە باغلىق دەپ يېزىلغاندەك، سەيىد ئىسھاق خوجامنىڭ نىيىتى راست ۋە توغرا بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ھەممە ئادەم غازىلىق دەرىجىسىگە ئىگە بولدى. ئەگەر پەرھىز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتنى ئۆتەۋېچىلار ياكى پەرھىز ۋە سۈننەتتىن تاشقىرى ياخشى ئىشنى ئۆتىگۈچىلەرنىڭ نىيىتى توغرا بولمايدىغان بولسا، ئۇلار ساۋاپ ۋە ياخشى نەتىجىگە ئىگە بولالمايدۇ. غازات ئەلۋەتتە ئۇلۇغ پەرز ئىشتۇر، شۇڭلاشقا، ئۇنىڭغا توغرا نىيەت كېرەك. چۈنكى بۇ چاغدا بىرەر ئولجا ئالاي ياكى بۇ بانا بىلەن بىرەر شەھەرگە ھاكىم بولاي ۋە ياكى باتۇر دەپ نام قازىناي دېگەن يامان خىيال ۋە كاسات سەۋدالىغى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ باقمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر ئىتتىپاق ۋە بىرنىيەت بىلەن كاپىر ۋە قالماقلارنىڭ ئۈستىگە ئىسلام تىغىنى تارتىش، ئەجەل يەتسە خۇدا يولىدا جېنىنى پىدا قىلىپ قۇربان بېرىشتىن باشقا مەقسەت ۋە مۇددىئاسى يوق ئىدى، ئۇ ھاكىم مۇتلەق ئۇلۇغ سۇلتان ئاللا ئۆزىنىڭ ياخشى پەزىلىتى بويىچە، بۇلارنى غازىلىق دۆلىتى ۋە مەنسۈبى، شاھادەتلىك ئالى دەرىجە ۋە مەرتىۋىلىرىگە ئىگە قىلدى. ئاللانىڭ كىتاۋى، رەسۇلللانىڭ سۈننەتلىرى ۋە ماشايىخ، ئالىملارنىڭ يولى ـ يورۇق ۋە كۆرسەتمىلىرىگە لايىق غازات قىلغان تايىپىلەر بولسا، دەل مۇشۇ ئادەملەردىن ئىبارەت. خۇدا ئۆزى قالغان ھەممە ئىشنىڭ ھەقىقەتنى ئوبدانراق بىلگۈچىدۇر. ئەي خۇدا، ئۇلۇغ پەزىلىتىڭ ۋە كامىل قۇدرىتىڭ بىلەن ھەممىگە مۇۋاپىق توغرا يول، راست نىيەت ۋە خالىس ئەقىدە بەخش ئاتا قىلغايسەن ـ ئامىن! بۇ مەزمۇنلار ئۇلۇغ پەزىلەت ئىگىسىنىڭ پەزىلى ۋە كەرىمى بىلەن ئاياقلاشتى.

12

قۇدرەتلىك ئاللانىڭ پەزلى ئىنايىتى بىلەن سەيىد غازى خوجا ئىسھاق تۇرپان غازاتىغا بارغىنى، پەتىھگە مۇيەسسەر بولۇپ نەچچە بازارلارنىڭ ئاسانلا ئېلىنىشى، قارا خىتاي ئەھلىنىڭ چېكىتكىگە ۋە چۆمۈلىدەك يوقىتىلغانلىغى ۋە بۇ ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بايانى

دۆلەتكە يېقىن دوستلار ۋە مۇھەببەتپەرۋەر ئاغىنىلەرنىڭ يىراقنى كۆرگۈچى كۆزلىرىگە يېتىپ مەلۇم ۋە يېقىن بولغايكى، شۇنداق قىسسە ۋە ئەپسانىلەرگە ئاساسلانغاندا، ھەقىقەتنىڭ ۋارىسى ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ نامايەندىسى بولغان سەيىد غازى خوجا ئىسھاق قارا شەھەردىكى كاپىر ـ مۇشرىك ۋە قالماقلار جېڭىدىن كېيىن، خاتىرجەم بولۇپ، كونا تۇرپاننى پەتىھ ۋە ئىتائەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، دادخوا، خەلىپە ۋە باتۇرلارنى يىغىپ، مەسلىھەت ـ كېڭەش قىلىپ، مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر نىيەت ۋە بىر ئېغىزدىن ”تۇرپان يولىنىڭ قاتتىقلىغى تەرىپى بولسا ھەممە ئىنسان گۇرۇھىغا خۇددى قۇياش نۇرىدەك رۇشەن، بۇ يول مۇشەققەت ۋە قاتتىق بولغانلىغى ئۈچۈن، بۇ يولدىكى ئېغىر بۇلاق دېگەن جايدا مىس بىلەن تاققا ئويۇپ يېزىلغان بىر چوڭ خەت بار ئىكەن. بۇ خەتتە، بۇ يولدىن بىر نۆۋەت ئۆتكەنلەر بولسا ئۆزىنىڭ بىلمەسلىگى ۋە ناھايىتى نادانلىغىدىن ئۆتىدۇ. ئىككىنچى مەرتىۋە ئۆتكەنلەر بولسا مازارلارنى زىيارەت قىلىشنى ئويلاپ، تىجارەت، نەپىقە، ئەھلى ئايال زۆرۈرىيىتىدىن ئۆتىدۇ. ئۈچىنچى مەرتىۋە ئۆتكەنلەر بولسا، ئۆزى كاپىر، خوتۇنى تالاق بولىدۇ دېگەن گەپلەر يېزىلغان ئىكەن. بۇ خەتنىڭ قايسى زامان ۋە قايسى دەۋراندا يېزىلغانلىغىنى كىشى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، يېتەرلىك ئوزۇق ـ تائام، ئات ـ ئۇلاغ ۋە قورال ـ ياراق راسلاپ تەييار قىلىپ، ئاندىن قەدەم قويساق بولارمىكىن“ دەپ مەسلىھەت بېرىپ ئەرز قىلدى. بۇ مەسلىھەت سەيىد غازى خوجا ئىسھاق خوجامغا ماقۇل چۈشۈپ، نەچچە ـ نەچچە ھارۋا، تۆگە، ئات ۋە ئېشەكلەرگە ئوق ـ دورا، زەمبىرەك ۋە قورال ـ ياراق، ئوزۇق ـ تۈلۈك، ئوت ـ بوغۇزلارنى يۈكلەپ، سائادەتلىك زامان ۋە ياخشى بىر ۋاقىتتا غەلىبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويۇپ ئاتلاندى. لەشكەرلىرى كۆپ خىتاينى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىگى توختاپ، كۆزلىرى قىزىرىپ، ئەجدەھالىرى كۈچلۈك بولۇپ، كۈچلۈكلىرى باتۇر بولۇپ، ھەرقايسىسى گۇيا ئۆزىنى ئىسپەندىيارى رۇيىنتەندەك (155)، دەلاۋۇرى تەھەمتەندەك (156) پالۋان ـ باتۇر چاغلاپ، رۇستەم (157) بەرزۇدىن (158) ئارتۇق بىلىپ، خۇداۋەندەكېرىمنىڭ لۇتپى ئىنايىتىگە يۆلىنىپ، ھەممىسى بىر نىيەت، بىر دىل، بىر جەھەت ۋە خالىس نىيەت، خالىس ئەقىدە بىلەن، ئاللا تەۋەككۈلنى تىللىرىغا ئېلىپ، ”ئەي ئىلاھىم! دىنغا نۇسرەت بەرگۈچىلەرگە نۇسرەت بەر، دىننى خار قىلغۇچىلارنى خار قىلغىن“ دېگەن دۇئانى ھەممىسى بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ، مەقسەت تەرەپكە راۋان بولدى. كاناي، سۇنايلارنىڭ ساداسى، توپ ـ زەمبىرەكلەرنىڭ غەۋغاسى، ”ھوزۇرۇم“ نەغمىسىنىڭ دىل مىسرا ئاۋازلىرى ھەم ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ كۆركەم ھەشەمەت تام ـ تاماخاسى، ئوق، نەيزە، قىلىچلارنىڭ ئۆتكەك پارقىراشلىرى تىغلاپ سېلىنغان جامائەتنىڭ پۇش ـ پۇش دېگەن ئاۋازلىرى بۇ كۆك گۈمبەزدەك پەلەك ـ ئاسمانغا تاقاشتى.

خوجاملار ئاخىرى ئېغىلبۇغۇ دېگەن يەردە قونۇپ، ئەتىسى ئوشاقتالغا بارسا، كاپىرلارنىڭ نىجىس تەنلىرى توپ ـ توپ، دۆۋە ـ دۆۋە بولۇپ ياتقان ئىكەن. ئۆلۈكلەرنىڭ كۆپلۈگىدىن يولدىن ئۆتكىلى بولمايتتى. يولنىڭ بىر تەرىپى تاغ ئېتىگى، يەنە بىر تەرىپى دەريا لېۋى ئىكەن. ھاشار ۋە مەدىكارلار ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ نىجىس تەنلىرىنى ھەر تەرەپكە تارتىپ، يوللارنى ئېچىپ ئۆتتى. بۇ دەشت ـ باياۋاندىكى ئۆلۈكلەر خۇددى دېھقان ئەشىرەپلىرىنىڭ ئېتىزىدىن ئۇرۇپ ئالغان بۇغداي ئەنجۈسىدەك، ھەتتا قاراساي تاشلىرىدەك قۇرۇپ، چىرىپ كەتكەن ئىكەن. خىتايلار ئىككىنچى قېتىم كەلگىچە بۇ ئۆلۈكلەرنىڭ سۆڭەكلىرى يول ئۈستىدە قۇرۇپ ياتقان ئىدى، ھاۋانىڭ ئىسسىق تېپىشىدىن بۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بەزىسى باش ئۇرۇپ چوقۇنغاندەك، بىر قانچىسى ”چەنكەن“ بولۇپ ئالدىغا ئېگىشكەندەك ۋە بەزىلىرى سۇراقچىلارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندەك بولۇپ قالغان ئىكەن. كېيىنچە ھەرقانداق مۆمىن مۇسۇلمان ۋە سودىگەر ئەشىرەپلەر بۇ يولدىن ئۆتكەن چاغدا، كاپىرلارنىڭ ئۆستىخانلىرى خۇددى تاش توخماقتەك، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىغا پۇتلىشىپ تۇرىدىكەن. شۇڭلاشقا يولدىن ئۆتكەنلەر ھامان تەھسىن ۋە ئاپىرىن ئوقۇپ، خوجاملارغا ۋە غازات قىلغان ئەشىرەپلەرنىڭ ھىممەت ۋە شىجائەتلىرىگە دۇئا پاتىھە قىلىپ ئۆتىدىكەن.

كېيىنكى كۈنلەردە خاقان لەشكەرلىرىنىڭ قەدىمى بۇ يەرگە يەتكەندە، چوڭ گۈمبەزلەرنى ياسىتىپ، بۇ ئۆستىخانلارنى يىغلاپ گۈمبەزنىڭ ئىچىگە سۇلاپ، ئاغزىنى مەھكەم ئەتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازى ئىسھاق خوجامنى كۇچاردىن ئېلىپ كېلىپ ياركەنتكە ئەۋەتىپ، مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇلغا تاپشۇرۇپ، كۈنلۈك تەمىناتىغا بىر قىزىل تىللا، ھەر جۈمەدە بىر قېتىم مۇناسىپ تون، ھەر يىلدا ئىككى مىڭ چارەك غەللە ئاشلىق قاتارلىق تەمىنات ـ ۋەزىپە بەلگىلەپ، قولىغا ئالى مۇبارەكنامە بېرىپ، مېھرىۋانلىق قىلغان ئىكەن. مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازى كېيىنچە ئۇرۇمچى، تۇرپان تۇڭگانلىرىغا دەشنەم بېرىشنى مەقسەت قىلىپ تۇرپانغا بارغاندا، ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئەمەلدار، سەركارلىرى بۇ نۇسرەت مۆمىنلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىش لازىملىغى بولۇپ، مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇل ئاتالىق غازىغا ئىلتىماس قىلىپ ”ئۆزلىرىنىڭ مەرھەمەتلىرى بويىچە نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىسھاق تۆرەگە تەيىنلەنگەن تەمىنات ـ ۋەزىپىنى بېرىپ تۇردۇم. ئەمدى ھازىرقى خىزمەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، بەلگىلەنگەن تەمىناتنىڭ يېرىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇنى زەپەر نەمۇنە قوشۇنلارنىڭ تەمىناتىغا بەرسەم، چۈنكى، ياركەنت ئىچى ئەرزانچىلىق، تەمىناتنىڭ يېرىمى ئۆزىگە يېتىدۇ“ دەپتۇ. جانابى ئاتالىق غازى شاغاۋۇلنىڭ مۇددىئاسىنى بىلىپ، رەنجىپ ئاچچىغلاپ قايتا خىتاپ قىلىپ، خوش پۇراقلىق ئالى ئىنايەتنامە ۋەئەنبەرنامە بېرىپ، مېھرىۋانلىق كۆرسىتىپ، ”مەن ئۆزەمنىڭ ناھايىتى بېخىل ۋە پەسكەشلىگىمدىن ئىسھاق تۆرەگە ئاز تەمىنات تەيىنلىگەن ئىكەنمەن. شۇڭلاشقا، بۇ ئالى نىشان ـ بۇيرۇقنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇرۇنقى تەيىنلەنگەن تەمىناتنى ئىككى ھەسسە قىلىپ بېرىپ، ئالى دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئالغايسىز. ئەگەر ئىسھاق تۆرەنىڭ ئوشاقتالدا قىلغان جەڭ ـ غازاتلىرىنى ۋە كاپىرلارنىڭ ئۈستىخانلىرىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن ئۇچۇق كۆرسىڭىز ھەم مېنىڭ ئورنۇمدا سىز بولۇپ ئىش باشقۇرغان بولسىڭىز ئىدى، ئىسھاق تۆرەنىڭ داستىخىنىغا پۈتۈن ياركەنتنى ئۆز تەۋەسى بىلەن ئىنئام قىلىپ بەرگەن بولار ئىدىڭىز ـ ئەلۋەتتە“ دەپ چوڭ ئىنساپ ۋە دىيانەتلىرى بىلەن ئىسھاق تۆرەگە تەھسىن ۋە ئاپىرىنلارنى ئوقۇپ، ئالى ئىنايەتنامە بېرىپتۇ. دىيانەتكار ۋە ئىنساپ شۇئار ئاتالىق غازىنىڭ بۇ قۇۋۋەت ئىلھام سۆزلىرى بولسا، ئىسھاق تۆرەنىڭ شىجائەتلىك ۋە جەسۇرلىق شەنىگە ھەق گۇۋادۇر.

ئەلقىسسە، ئىسھاق تۆرەم باشچىلىغىدىكى ھەممە نۇسرەتچى ئەسكەرلەر پىلتېر ۋە قوش ئات قوشۇپ تەييارلاپ، ئوت ـ بوغۇز، نان ـ توقاچ ۋە تالقانلارنى راسلاپ، ئوشاقتالدىن مەقسەت تەرەپكە راۋان بولدى. شۇ كۈن دۆڭ دېگىز دېگەن جايدا قوندى. ئاندىن يۈرۈپ قارا قېرىن دېگەن جايدا ياتتى. ئاندىن ئۆتۈپ كۈمۈش ئۆتەڭدە كېچىلىدى. بۇ جايلار بولسا ئوت ـ خەشەك ياكى سۇ ھەتتا چىش كولايىدىغان ياغاچمۇ تېپىلمايدىغان يەرلەر ئىكەن. لېكىن كۈمۈش ئۆتەڭدە ئازراق سۇ بولۇپ، جېنىدىن قىينالغان يىگىرمە ياكى ئوتتۇز كىشى بالا ـ چاقىلىرى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرسە بولىدىغان بىر جاي ئىكەن. ئۇلار بۇ يەردىن ئۆزمەدۆڭ دېگەن جايغا باردى. ئاندىن ئايغىر ـ بۇلاققا يەتتى. بۇ يەردىمۇ نۆۋەت بىلەن ئات سۇغارغىچىلىك ئازراق سۈيى بار ئىكەن. بۇ يەردىن ئۆتۈپ سۇ بېشى، توخسۇنغا باردى. توخسۇن خېلى كاتتا يۇرت ئىكەن ۋە بازار ۋەيياڭلىرى بار ئىكەن. بۇ جايدىن ئۆتسە تۇرپانغا بارىدىكەن. خوجاملار شۇنداق قىلىپ، تۇرپان تەۋەسىگە كەلدى. بۇ نۇسرەتلىك ئەسكەر يېتىپ بارغىچە، بۇ جايدا ئىستىقامەت قىلىپ تۇرغان سايرام خوجىلىرىدىن مەسۈمخان خوجام دەپ بىر سەيىد ئادەم، تۇرپانلىق قاسىم چاڭگا، ۋايىت خەلىپە، زايىت خەلىپە، ھاجى باقى خەلىپە دېگەن ئادەملەر بىلەن جامائەت پەيدا قىلىپ، تۇرپان سەھرالىرىدىكى چېرىك، مەيىمەچى، خۇيجا قاتارلىق خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۇرپان شەھىرىدىكى خىتايلار بىلەن تۇتۇشۇپ غەلىبە قىلغان ۋە خىتايلار شەھەرگە كىرىپ دەرۋازىلىرىنى مەھكەم قىلىپ سۇلاپتا تۇرغان ئىكەن، تۇرپانغا قاراشلىق ئون توققۇز يەردىكى بازار ۋەيياڭلاردا مەيىمەچى، خۇيجا يەنى دېھقان خىتايلار ناھايىتى نۇرغۇن ئىكەن. بۇلار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى نارىسىدە بالىلىرىغىچە يوق قىلىپ، ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ ۋەيران قىلىپ تۇرۇپتىكەن. بەزى بازارلاردا يەتتە ـ سەككىز مىڭ، بەزى بازارلاردا ئىككى ـ ئۈچ مىڭدىن خىتاي بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نابۇت قىلىپ، شەھەر ئىچىدىكى خىتايلارغا قاراپ تۇرغان بىر پەيتتە، ئىسھاق خوجام غەلىبىچى ئەسكەرلىرى بىلەن يېتىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ يېنىغا چېدىر ـ بارگاھلىرىنى تىكتى. ھەر تەرەپكە قاراۋۇلچى، ئىراۋۇلچىلارنى قويۇپ، جەڭگە ھازىرلىق قىلدى. شەھەر بولسا مۇستەھكەم، خىتايلىرى كۆپ ئىكەن. ئىككى كۈننىڭ بىرىدە زەمبىرەك، قورال ـ ياراقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۇرۇشۇپ، باراۋەرلىك قىلالماي، يەنە شەھىرىگە كىرىپ كېتىدىكەن. بۇ ئارىدا نۇرغۇن كاپىرلار يوق بولدى. مۇسۇلمانلاردىنمۇ شاھادەت شەرۋىتىنى ئىچكەنلەر بار ئىدى. شەھەر پەتىھ بولمىدى. ئاقىۋەت خوجاملار نەچچە يەرگە شىبەلىرىنى تەييارلاپ، باتۇر، پالۋانلار بۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، شەھەر ئىچىدىكى كاپىرلارنىڭ بېشىنى چىقارغىلى قويمىدى. كاپىرلارنىڭ ئوقى تامغا تېگەتتى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوقى بولسا ھەرگىز زايا كېتەمەي كاپىرغا تېگەتتى.

بۇ چاغدا ئۇرۇمچىدىكى سودالويە (159) ۋە داۋۇت (160) خەلىپىلەردىن ئەلچى كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇمچى ۋەيياڭلىرىنى ئېلىپ، خىتايلارنى شەھەرگە قامال قىلغانلىغىنى خەۋەر قىلدى ۋە ”بىزگە يار ـ مەدەت بېرىپ، خوجاملاردىن بىرىنى باش قىلىپ لەشكەر ئەۋەتسىڭىزلەر“ دېگەن ئەرزىنى سۇندى. ئىسھاق خوجام باھاۋىددىن خوجامنى باش قىلىپ، بىر مىڭ لەشكەر، مەسۈمخان خوجامغا بىر مىڭ لەشكەر، ۋايىت خەلىپە، زايىت خەلىپە ۋە تۇڭگانلاردىن نۇراخۇن، ئەلى خەلىپە قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىگە يەتتە، سەككىز يۈز لەشكەر تاپشۇرۇپ، ئودۇل ئۇرۇمچىگە ماڭدۇردى، ئۇلارنىڭ كېيىنىدىن يەنە رەھمەت باھادۇر، ھاجى باقى خەلىپىلەرگە مىڭ ئادەم بېرىپ يولغا سالدى. بۇلار ئۇرۇمچىگە بېرىپ جەڭ ـ غازاتلارنى قىلىپ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن شەھەرنى پەتىھ قىلدى. ئوتتۇز مىڭدىن زىيادىرەك كاپىر يوق بولدى. ئاندىن جىمسارنى ئالدى ۋە ئالتە مىڭچىسىنى نابۇت قىلدى. ئاندىن گۈچۈڭگىچە باردى. لېكىن، گۈچۈڭنىڭ شەھىرى ناھايىتى كاتتا ۋە ھەممىسىلا خىتاي بولۇپ، بۇ يەردە پەقەت مۇسۇلمان يوق ئىكەن. گۈچۈڭلۈك دېگەن سۆز خىتاي تىلىدا ”ئىتنىڭ قۇيرۇقى“ يەنى ”ھېساۋى يوق“ دېگەن سۆز بولىدىكەن. ۋەيياڭ بازارلىرىمۇ ناھايىتى كاتتا ۋە زور بولۇپ، ئۆزۈنلۈغى ئۈچ پوتەي، ھەتتا تۆت پوتەي كېلىدىكەن دەپ نەقىل قىلىشىدۇ. بۇنىڭغا قاراشلىق يەنە بىر قانچە جايدا بازارلىرى بار ئىكەن. ھەممىسى بولۇپ تەخمىنەن ئىككى يۈز ئايلىدىن ئارتۇق (161) ئادەم ياشايدىكەن. غازاتچىلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ قىرىپ تاشلىدى. لېكىن بەزىلىرى تاغ، جەزىرىلەرگە قېچىپ جانلىرىنى قۇتقازدى.

غازاتچىلار بۇ جايدىن ئۆتۈپ سەنتاڭگە باردى. بۇ يەردىمۇ ئون بەش مىڭنى يوق قىلدى، ئاندىن يۈرۈپ فۇكاڭغا (فۇكاڭغا ـ ت) باردى. بۇ يەردىمۇ ئون مىڭ ئادەم يوق بولدى. ئاندىن ئۆتۈپ جىسېبىغۇغا باردى. سەكسىز مىڭچە ئادەم نابۇت بولدى. ئاندىن ئۆتۈپ قاراباسۇنغا باردى. ئون مىڭدىن تولاراق ئادەم يوق بولدى. ئاندىن ماناسقا باردى، كۆپ ئۇرۇش بولدى، ئەللىك مىڭچە ئادەم يوق بولدى. ئاندىن ئۆتۈپ جىڭخۇغا باردى، يىگىرمە مىڭدىن تولاراغى يوق بولدى. بۇ يەردە ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشلار بولدى. خۇداۋەندەكېرىم ئۆز مەرھىمىتى بىلەن ئاسانلىق ئاتا قىلدى. بىرنەچچە خەلىپە، باتۇرلار مال غەنىمەت ـ ئولجىغا ئىگە بولدى. بۇ چاغدا سوغاق شىددىتى ۋە قار ـ شىۋىرغان دەھشىتى ناھايىتى قاتتىق بولدى. غازاتچىلار نائىلاج تۇرپانغا يېنىپ چۈشتى، ئىككى ئاي ئىچىدە مەزكۇر بازار ۋە شەھەرلەرنى سەرەنجام قىلىپ، ھەممە جاينى ۋەيران قىلىپ، قاغا ـ قۇزغۇنلارغا ئۇۋا، دۆ ـ پېرىلەرگە جاي ـ ماكان قىلدى.

بۇ كۈنلەردە ئىسھاق خوجام ئايدىن خوجامنى باش قىلىپ، ھەسەن قاسىم باھادۇر، تۇڭگانى خوجە خەلىپە، ھىدايەت خەلىپە، مۇسا مىڭ بېگى قەشقەرلىق مۇسا خەلىپە، قۇربان خەلىپە، كۇچارلىق توختى مۇھەممەت خەلىپە، شەھيارلىق موللا ئوسمان شەيخ باھادۇر، يولداش مىرزا، ئىدىرىس خەلىپە، ئاقسۇلۇق ھوشۇر خەلىپىلەرنىڭ ھەر بىرىگە يەتتە ـ سەككىز يۈز، ئەقەللى تۆت ـ بەش يۈزدىن لەشكەر تەيىنلەپ، ئوق ـ دورا ۋە قورال ـ ياراقلار بىلەن ئون ئىككى مىڭ ئەسكەرنى مورخۇ تەرەپكە ئەۋەتتى. بۇلار چوڭ يول بىلەن يۈرۈپ، بەش مەنزىلدە چىقتىم دېگەن بازارلىق ئۆتەڭگە بېرىپ، ئاندىن چوڭ يولنى تاشلاپ سول قولغا قاراپ، تاغنىڭ ئىچى بىلەن داۋاندىن ئۆتۈپ تاز بۇلاق دېگەن يەرگە باردى، ئاندىن ئۆتۈپ پىچاق دېگەن چەنزە دېگەن جايغا باردى. بۇ كاتتا بازارلىق ۋەيياڭ ئىكەن. خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئون مىڭچە ئادەمنى نابۇت قىلدى. ئاندىن يۈرۈپ يەباچەنزەگە باردى. ئون ئىككى مىڭغا يېقىن ئادەم يوق بولدى. ئاندىن تاللىق بىلەن ئۆتۈپ مورخۇغا باردى. بۇ جايدا كۆپ سۇقۇش بولدى. بۇ سېپىلى يوق چوڭ بازارلىق بىر جاي ئىكەن. خىتايلىرى كۆپ ۋە ھەممىسىلا باتۇر ـ غەيرەتلىك ئىكەن. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يوق بولدى. ئاز قىسمى مۇسۇلماندارچىلىققا مۇيەسسەر بولۇپ، ئامانلىق دۆلىتىگە ئىگە بولدى. ئاندىن ئۆتۈپ دۇڭجىنغا باردى. بۇ يەرنىڭ سېپىلى مۇستەھكەم، خىتايلىرى كۆپ ئىكەن، ناھايىتى قاتتىق جەڭ ـ مۇھارىبىلەر بولۇپ، قىرىق مىڭغا يېقىن دىنسىز مۇشرىك يوق بولدى. لېكىن، كاپىرلارنىڭ كۆپلۈگىدىن بۇ يەر زادى پەتىھ بولمىدى. ئاقىۋەت كاپىرلار غەلىبە قازاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قار ـ شىۋىرغان چىقىپ قاتتىق جۇدۇن بولۇپ، لەشكەرلەر بۇنىڭغا تاقەت قىلالماي تۇرپانغا يېنىپ چۈشتى.

بۇرۇنقى زامانلاردا غەفۇرچىنى بۇ يەتتە شەھەرنى تەسىررۇپ قىلىپ، ھەتتا پۈتۈن موغۇلىستان مەمىلىكىتىگە ئىگە بولغان چاغدا، بۇ يەتتە شەھەردىكى قەدىمقى مۇسۇلمان خانلىرى، يەنى چىڭگىز قاغان ئەۋلاتلىرىدىن بولغان موغۇل خانلىرى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى بۇغرا خانلار زامانىدىن نەمۇنە قالغان ساۋۇت ـ تۇلپاق، دەۋۇلغا ـ قالپاق، نەيزە، قىلىچ، ئۇقيا، ساغداق ۋە ئىچىگە پولات سالغان مەشتۈت چاپانلار ۋە تۆمۈر زىرەھ نىمچە تونلار، مىلتىق، گۈرزە، ئايپالتا، نەيزە قاتارلىق قورال ـ جابدۇقلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ھەممىسىنى دۇڭجىن شەھىرىدە ساقلىغان ئىكەن، ھەتتا خاقانى چىن بۇ غەزىنىدىن جابدۇقلارنىڭ باراۋېرىدە، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ جابدۇقنى ئېلىپ كېلىپ، دۇڭجىن شەھىرىدە غەزىنە قۇرۇپ، چېرىكلىرى بىلەن ساقلىغان ئىكەن، كېيىن دۇڭجىن شەھىرى پەتىھ بولغاندىن كېيىن، بۇ يەردە ساقلانغان ھەر خىل ۋە ھەر رەڭدىكى قورال ۋە جابدۇق بويۇملارنى، پارچە تۆمۈرلەرنى بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھەممە كىراچەشلىرى يەتتە يىلغىچە توشۇپ بولالماپتۇ. ئۇنىڭغىچە خاقانى چىن ئەھلى يېتىپ كېلىپ بۇ بويۇملارغا ئىگە بولدى.

بۇ چاغدا تۇرپان شەھىرى تېخى پەتىھ بولمىغان ئىدى، ئارىلىقتا بىرمۇنچە ۋەقە بولۇپ ئۆتتى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولسا، بۇرۇن بۈگۈردە قالغان سۇمۇللا دېگەن تۇڭگانى خوجاملارنىڭ كېيىنىدىن يېتىپ كېلىپ، تۇرپاننىڭ ئېلىنمىغانلىغىنى كۆرۈپ ”تۇرپاننى پەتىھ قىلمىغۇچە ھېچ نەرسە يېمەيمەن“ دەپ ئەھدى ئىمان قىلىپ، قەسەم ئىچتى ھەم ئادەملىرىنى باشلاپ شەھەرگە چاپتى. بارغانلىرىچە خىتايلارنى قوغلاپ شەھەرگە كىرىپ قالدى، نەچچە كاپىرنى ئۆلتۈرۈپ، كاپىرلارنىڭ بېشىنى، پۇت ـ قوللىرىنى، ھەتتا ھەممە ئەزاسىنى سېپىلنىڭ تېشىغا تاشلاپ، ناھايىتى چوڭ قەھرىمانلىق كۆرسەتتى. بۇ پەيىتتە ئۇنىڭ ئۆزىگە بىر ئەجەل ئوقى كېلىپ تېگىدى، جېنىنى جان ئالغۇچى ئەزىرائىلغا تاپشۇردى. كاپىرلار بۇنىڭ كىيىم ـ كېچەكلىرىنى سالدۇرغاندا، يانچۇغىدىن بىر مۆھۈرى چىقتى. بۇنى غازاتچىلارنىڭ چوڭ باشلىغى ئىكەن دەپ، ئۇنى ئوتتا پىشۇرۇپ كاۋاپ قىلىپ يەپ كەتتى. چۈنكى، شۇ يىلى باھاردا ئۇلار ساگدىكى ئاشلىغىنى پۇقرالارغا ئۆتنىگە بەرگەن ئىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاشلىغى تامامەن تۈگەپ كېتىپ، ئىت، مۈشۈك، چاشقان، كېسەك، ھەتتا قەبرىلەردىن ـ ياشلىرىغىچە ئولتۇرۇپ يەپ، تاقىتى تاق بولغان ئىدى. شەھەر پەتىھ بولماي سەككىز ئايدىن ئاشتى، بۇ چاغدا خوجاملار بىر ئېرىق تەرەپنى توسقان لەشكەرلىرىنى ياندۇرۇپ كېلىپ، ”ئەمدى خىتايلار بېجىن تەرەپكە كەتسۇن، شەھەرنى بىكار قىلسۇن، بىز يول بېرىمىز“ دەپ ئېلان قىلدى. بۇنى ئاڭلىغان ھەممە خىتاي شەھەردىن چىقىپ بۇل ئېرىققا بارغاندا، چاپ ـ چاپ قىلىپ ھەممىنى قىردى. تىغ سىياسىتىدىن ئاشقانلىرىنى بولسا ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ خىزمىتىگە سالدى. شەھەر ئىچىدىكى قورال ـ ياراق، توپ ـ زەمبىرەك قاتارلىق پادىشالىق ئىشلىرىغا كېرەكلىك جابدۇق ۋە سايمانلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مۇسۇلمانلار شات ـ خۇرام، كاپىر مۇناپىقلار غەم بىلەن ھەيران ۋە سەرگەردان بولدى. شۇنداق قىلىپ، تۇرپان شەھىرىدىكى مەنسەپدار، چېرىك، مەيىمەچى، خۇيجا ۋە ئون توققۇز ۋەيياڭدىكى خىتايلار بولۇپ جەمئى بىر يۈز ئەللىك مىڭدىن ئارتۇق كاپىر نابۇت بولدى. مۇسۇلمانلاردىن تۆت يۈزچە كىشى شاھادەتلىككە يەتتى. ئومۇمەن بۇ يەتتە، سەككىز ئاي ئىچىدە تۇرپاندىن باشقا بۇ تەرەپ ئۇرۇمچى، ئۇ تەرەپ مورخۇ ۋە دۇڭجىندىن بولۇپ جەمئى بەش يېرىم لەكتىن (بىرلەك 50 مىڭ ـ ت) ئارتۇق كاپىر مۇشرىك ھالاكەتكە يەتكەندۇر، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپتۇر. بۇنىڭ ئېنىق ھېساۋىنى ئۇ ئالەمنىڭ غەيىپ ۋە شېھادەت ئالىمىدىن باشقا بىرەر ئىنساننىڭ ئەقىل ئىدىرىكى ۋە پىكىر تەسىۋۋۇرى ئېنىق ئويلاپ ھېساپلاپ يەتكىگە يېتەلمەيدۇ ـ خۇدانىڭ ئۆزى ھەددېدىن بەك بىلىدۇ.

ئەمدى بۇ قەلەمنىڭ خۇش يۈرۈشى ۋە خۇش تىزگىنىنى چولۇۋرنى سەل ـ پەل مۇبالىغە تەرەپكە مايىل قىلىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ تەپسىلىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلساق، ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا مالاللىق يېتەمدىكىن دەپ، ئۆتكەن ۋەقەلەرنىڭ مىڭدىن يۈزىنى، يۈزىدىن ئونىنى ۋە ئونىدىن بىرىنى ئىلغاپ قىسقارتىپ تاللاپ، بۇ ۋاراق سەھىپىسىگە ئورناتتىم. گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ موغۇلىستان يۇرتىغا كاپىرلارنىڭ قاراسىياھى تارتىلىپ، ھەممىنى قاراڭغۇ ۋە زۇلۇمەتتە تۇتقان ئىدى. كېيىنچە شەمشىر ۋە خەنجەرنىڭ ئاپتاپ رۇشەن تاشلىرى بۇ دىيارغا يېگۇۋاشتىن رۇشەنلىك بېغىشلىدى. ئىلاھىم مۇسۇلمانلارغا پەتىھى نۇسرەت ۋە خاتىرجەمىلىك، كاپىرلارغا خارلىق ۋە نەجىشلىرىنى بېرىپ، بىزگە خاتىرجەمىلىك ئاتا قىلغايسەن. ئامىن! ”تاھا“ ۋە ”ياسىيىن“ سۈرىلىرىگە ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن.

13

ياخشى ئەخلاقلىق سەيىد غازى خوجا ئىسھاقنىڭ مورخۇغا ئىككىنچى قېتىم لەشكەر ماڭدۇرغىنى ۋە مەقسەتكە يېتەلمەي قايتىپ كەلگىنى، قامۇل ۋاڭ خانىلىغىدىن (162) ئەلچى ۋە مەرغۇپ ھەدىيەلەر كەلگىنى، لۇكچۈن شەھىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئېلىنىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

ياخشى تەبىئەتلىك يارەنلەر ۋە ياخشى نىيەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ ساپ دىللىرىغا يېتىپ رۇشەن ۋە ئاشكارا بولغايكى، شۇنداق نەقىل ۋە ھېكايىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئايدىن خوجامنى ئىسلام لەشكەرلىرى بىلەن دۇڭجىن تەرىپىگە ئەۋەتكەندە، ئۇ شىددەتلىك سوغاق تۈپەيلىدىن تۇرپانغا يېنىپ كەلگەن ئىدى. يەنە لەشكەر تەييارلاپ باھاۋىددىن خوجامنى باش قىلىپ، تۇڭگانى خوجەخەلىپە، توختى مۇھەممەت خەلىپىلەر، باشچىلىغىدىكى ئون بەش مىڭدىن ئارتۇق داڭلىق پالۋان ـ باتۇرنى توپ ـ زەمبىرەك قاتارلىق قورال ـ ياراقلار بىلەن ئىككىنچى قېتىم مورخۇ ۋە دۇڭجىن غازاتىغا يولغا سالدى. بۇلار مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يۈرۈپ مورخۇغا يەتتى. بۇ ئەتراپتىكى يېزا ـ قىشلاقلاردا بۇرۇن تىغدىن ئېشىپ قالغان كاپىرلار يەنە جەم بولۇپ جەڭگە كىرىشتى. كاپىر ۋە مۇسۇلمان ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم زىيانغا ئۇچرىدى ۋە جەڭمۇ ناھايىتى قاتتىق بولدى. ئاقىۋەت كاپىرلار يەنە غەلىبە قىلىپ، ئىسلام لەشكەرلىرى تۇرپانغا يېنىپ كەلدى. بۇ چاغدا قامۇل ۋاڭلىغىنىڭ ئاشلىغى تۈگەپ، گۆشگۆشگا ئاشلىققا ئەۋەتكەن سۇپۇرگە بەگ دېگەننى ئەللىك ھارۋا ۋە يۈز تۆگىسى بىلەن يولدىن تۇتۇپ ئېلىپ كەلدى. خوجا ئىسھاق خوجام بۇلارنى سۇراق قىلىپ كۇچارغا ماڭدۇردى. راشىدىن خان خوجام سۇپۇرگە بەگكە ناھايىتى تولا ئىلتىپاتلارنى قىلدى. سۇپۇرگە بەگ بولسا قامۇلنى مەن ئېلىپ بېرەي دەپ ۋەدە ـ تەۋسىيەلەرنى قىلدى. شۇڭلاشقا، ئۇ ئىسھاق خوجامنىڭ ئالدىغا قايتۇرۇلدى. ئاڭغىچە قامۇلنىڭ بىر ئەلىمى بىر قانچە ئادەمنى ھەمرا قىلىپ، ۋاڭلىقنىڭ ئەۋەتكەن سوغا ـ سالاملىرىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن سوغا ـ سالاملارنىڭ ئىچىدە ھەر خىل ۋە ھەر تۈرلۈك قىممەت باھا ۋە ياخشى بويۇملار بار ئىدى. بولۇپمۇ بۇ بويۇملارنىڭ ئىچىدە، جاھانگىرخان تۆرەم خىتايلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە ئۆزى كىيگەن بىر زەررە داۋۇدى تون بار ئىدى (داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تونىغا ئوخشاش تون ـ ت) بۇ توننىڭ ئىككى مۈرىسى، ئىككى جەينىگى، كۆكرىگى ۋە ئىككى تىزىغا خۇددى چىنىنىڭ ئاغزىدەك دۈگۈلەڭ ئالتۇن قۇببە بېكىتىلگەن ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە ”ئىنناپەتەھنا“(قۇرئاندىكى ”غەلىبە“سۈرىسى ـ ت) سۈرىسى ئالتۇن سۈيى بىلەن يېزىلغان ئىدى. بۇ قۇببىلەرنىڭ ھەر بىرى جاھان ئاپتىۋىدەك پاللاداپ تۇراتتى. بۇ بويۇملارنىڭ ئىچىدە يەنە جاھانگىر خان تۆرەمنىڭ ئۇقيا، ساغداقلىرى، ھەتتا ئۆزى ئىشلىتىدىغان پادىشالىق ئەينەكلىرىمۇ ئۈنگىدىن ئارتۇق ۋە ھەممىسىلا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ئىدى، يەنە جاھانگىر خان تۆرەمنىڭ بىر مەپىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە جابدۇقلىرى خۇددى يېڭى تىكىلگەندەك ۋە ئىگەر، كۈپچەكلىرىگىمۇ ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ئىكەن. بۇنى تۆرەم ”سىز تەۋەررۈك قىلىپ ساقلاڭ“ دەپ ۋاڭ خانلىغىغا ئىلتىپات قىلىپ بەرگەن ئىكەن. ۋاڭمۇ بۇنى تەۋەررۈك قىلىپ غەزىنىدە ساقلىغان ئىكەن. ۋاڭ بۇ مەپە بىلەن بۇ ياراق ـ جابدۇغلارنى خوجاملارغا لايىق دەپ، خان خوجامنىڭ دارسەلتەنىتىگە ماڭدۇرغان ئىكەن. ئەلچىلەر بۇ سوغا ـ سالاملارنى ئېلىپ ئىسھاق خوجامنىڭ ئالدىغا كەلدى. خوجام ئۇلارنى بۇ يەردە ئۈچ ـ تۆت كۈن ئارام ئالدۇرۇپ، ھەممە سوغا ـ سالام تارتۇغى بىلەن يەنە ئادەم قوشۇپ كۇچارغا ماڭدۇرغان. بۇ ئەلچىلەر كۇچارغا كېلىپ، ھەممە سوغا ـ سالام ۋە تەۋەررۈك تارتۇغىنى خان خوجامنىڭ مۇبارەك ئالى مەنزۇر ـ نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ ۋە ئۇنىڭ قوبۇل شەرەپلىرىگە ئېرىشتى.

خان خوجام ئەلچىلەرنى بىر قانچە كۈن دەم ئالدۇرۇپ، ۋاڭ خانلىغىغا ئالتۇن تالالىق سەللە، كىمخاپ تون، شاپ ـ خەنجەر ۋە ئالى باھالىق مەرھەمەت قىلىپ، ئەلەم ئاخۇن باشلىق ھەممە ئەلچىگە ئۆز لايىغىدا تون ـ كىيىم، سەللە، كۆلا ۋە خەشلەيدىغان تىللا قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىپ قايتىشقا رۇخسەت قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا ئىسھاق خوجام موللا تۆمۈر خەلىپە، توختام باھادۇر باشلىق ئون مۇسۇلمان ۋە ئالتە تۇڭگانىنى ئەلچى قىلىپ قامۇلغا ماڭدۇرۇپ، سۇپۇرگە بەگكە ھەم رۇخسەت بەردى. ئەلچىلەر قامۇلغا كېلىپ، ۋاڭلىق خانلىغى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئەلچىلىك يوللىرىنى بەجا كەلتۈردى. لېكىن، قامۇلدىكى مەنسەپدارلارغا ۋە شەھەر ئىچى ـ تېشىدىكى خىتايلارغا ھېچكىم دەخلى قىلمىغان ئىدى. موللا تۆمۈر خەلىپە ”قامۇلدىكى كاپىرلارنى بىز پەتىھ قىلساق“ دەپ ۋاڭلىق خانلىغىغا مەلۇم قىلدى. ۋاڭ خان بۇنى بىلمىگەن كىشى بولۇپ، بەش يۈز كىشىلىك قورال ـ ياراق، زىرە تون، ساۋۇت، تۇلپاق، مىلتىق، ئوق يا، ساغداق، ئەلەم، بايراق قاتارلىق جەڭگە لازىملىق نەرسىلەرنى بەردى. بۇلار ئادەم جەمىلەپ ئۇرۇشۇپ پەتىھ قىلدى.

ئەلقىسسە، دۇڭجىندىن ئىككىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لۇكچۈننىڭ خوجا ۋە بەگزادە نەسلىلىرىدىن بولغان ئىبراھىم خان، ھېپزۇللاخان، يولباس خان، شاھ مەھرەم قاتارلىق بىر قانچە ئاكابىرى ئەشىرەپلەر بىرلىشىپ، مورخۇ تەرەپتىن تۆت ـ بەش مىڭ خىتاينى مەخپى ئېلىپ كېلىپ بىر يەردە مەخپى توختىتىپ، ئىبراھىم خاننى خان كۆتۈرۈپ، دۈشمەنلىك ۋە قارشىلىق ناغرىسىنى ئاشكارا سوقتى. خوجا زايىت خەلىپە، ۋايىت خەلىپىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ يۆلەنچى ۋە مەھرەم قىلدى، ۋاڭ بېگىنىڭ بىر نەۋرىسى بار ئىكەن. ئۇنى خوجا زاھىد خەلىپىگە تارتۇق قىلدى. زاھىت خەلىپە بۇنىڭ خۇشلۇغىدا ”بۇ دولانەلەرنىڭ (163) قانچە ئېتىۋارى بولسۇن، مەن ئۇلارنى بوي سۇندۇرۇپ بېرىمەن“ دەپ ۋەدىلەرنى بېرىپ جەڭگە تەييارلاندى. بۇ چاغدا خوجا ئىسھاق خوجام نىسىرىددىن خوجامنى باش قىلىپ، توختى مۇھەممەت، موللا ئوسمان شەيخ باھادۇر، بەختىمەت خەلىپە، سايراملىق مۇھەممەت ئەلى خەلىپە، قەشقەرلىق مۇسا خەلىپە، قۇربان خەلىپە، ئاقسۇلۇق ھىدايەت خەلىپە، نىياز خەلىپىلەر باشلىق سەكسىز مىڭ باتۇر ۋە قەھرىمانلارنى ئۇرۇشقا يولغا سالدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇشقا كىرىشىپ، ئارىدا قاتتىق جەڭلەر بولدى ۋە كۆپ ئادەم زىيانغا ئۇچرىدى. ئاقىۋەت خوجاملار مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا قايتتى.

لېكىن، لۇكچۈنلىك خوجىلار بولسا كۇچارلىق بۇ خوجىلارنى تۇتۇپ ئالساق، يۇرتلارنى ئۆزىمىز سۇرىساق، ئەگەر ئىچكىرىدىن خىتايلار چىقىپ قالسا، بىز بۇ خوجىلارنى ئۇلارغا تارتۇق قىلىپ مەنسەپ تاپساق دېگەن خام خىياللارنى ئويلاپ، بىھۇدە مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇن ـ قانلىرىغا زامىن بولدى. بۇ چاغدا لۇكچۈندە تۆت يۈز ئۆيلۈكتىن ئارتۇق تۇڭگانى بار ئىدى. لۇكچۈنلىك خوجاملار بۇلارنىڭ ئۆي ـ ماكانلىرىغا ئوت قويۇپ، نارىسىدە بالىلىرىغىچە يوق قىلدى. بۇنى ئۇرۇمچىدىكى سودالويە ئاڭلاپ، غەيرەت ـ ھېممەتلىرى ئۆرلەپ، ئۈچ مىڭ تۇڭگانىنى بۇ تۇڭگانلارغا ياردەمگە ئەۋەتتى. بۇ قوشمۇ ـ قوش شاتلىق زامانىدا، مېھرىيارى ئاپاق سەئىد ئەئنى سەيىد غازى خوجا ئىسھاق ئۆزى باش بولۇپ بىرنەچچە تەگداشسىز باتۇر بىلەن بىللە ئىككىنچى قېتىم لەشكەر تارتىپ، ئون بەش مىڭ قان خۇمارى ئەسكەرلەرنى ھەمرا قىلىپ لۇكچۈنگە ماڭدى ۋە ئاۋات دېگەن جايغا چۈشۈپ، بۇ جايدا ئاۋاتلىق پەيدا قىلدى. بۇ چاغدا تۇرپانلىقلار ھەر ئىككى تەرەپكە ياردەم بەرمەي ئوتتۇرىدا تىنچ تۇرغان ئىدى. لۇكچۈنلىكلەر بولسا نۇرغۇن ئادەم تەييارلاپ كېلىپ ئۇرۇش قىلدى. بىر قانچە قېتىم غەلىبە قىلدى ۋە بىرنەچچە قېتىم مەغلۇپ بولدى. ئاقىۋەت پەتىھى زەپەر شامىلى نۇسرەت ئەسكەرلىك لەشكەرلەر تەرىپىدىن نامايان بولۇپ، بۇ دۆلەت ۋە ئىقبال شاماللىرى دۈشمەنلىككە ۋەدە تۇتقانلارنى خۇددى خەس ـ خەشەكتەك ئوتتۇرىدىن كۆتۈرۈپ ئۇچۇرۇپ، دەشت ـ باياۋان غارىنىڭ ئىچىگە تىقتى. ۋايىت خەلىپە ئىشنىڭ ئەكسىگە قاراپ ماڭغانلىغىنى بىلىپ، لۇكچۈنلىك خوجاملارنىڭ قاتتىقلىرىدىن بىر قانچىنى باغلاپ تۇتۇپ كېلىپ خوجاملارغا كۆرۈنۈش بەردى. خوجاملار ئۇنىڭغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ گۇنايىدىن ئۆتتى. ئاندىن شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ كىرىپ، نۇرغۇن ئادەمنى ھالاكەتكە يەتكۈزدى، شەھەر ۋە سەھرالارنى تالان ـ تاراج قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ قاتتىقلىرىدىن بىر قانچىسىنى سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى ياكى دارغا ئاستى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى قامۇل ياكى بالەكۆل (بارىكۆل ـ ت) قاتارلىق جايلارغا قېچىپ جېنىنى جايلىدى. قىسقىسى، ئۇلار لۇكچۈن ئىشلىرىنى سەرەنجام قىلىپ خاتىرجەم بولۇپ، لۇكچۈننىڭ ھاشىر تاجى بېگىنى لۇكچۈنگە ھاكىم قىلدى. تۇرپانغا قاسىم چاڭگانى ھاكىم قىلدى ۋە ئۆزى مازىرى ماشايىخلارنى زىيارەت قىلىپ، خەتمە قۇرئان قىلدۇرۇپ، نەزىر ـ سەدىقە ۋە خەيرىيەتلىرىنى بېرىپ، شۈكۈرى سانالارنى قىلىپ، دۇئا ۋە ئىلتىجالار بىلەن تۇرغان كۈنلەردە، تەكلىپ قىلىپ قامۇلدىن كىشى كەلدى. ئىسھاق خوجام قامۇلغا ئاتلىنىشقا قارار قىلدى.

14

شەھىرىيارى ئاپاق ئەئنى سەيىد غازى خوجا ئىسھاق قامۇلغا ماڭغىنى ۋە بېجىن تەۋەسىگە ئات سۈرگىنى، چىڭ ۋاڭ خان ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ قامۇلنىڭ بوي سۇنغىنى ھەم ۋاقىتسىز ۋە ئورۇنسىز يارلىق پەرمانلىرى ھۆكۈمى بويىچە قايتىپ كەلگەنلىگى ۋەقەلىرى بايانى

كونا يارەن، سەمىمى دوستلارنىڭ زېھنى ۋە ئەقىللىرىدىن يوشۇرۇن ۋە مەخپى قالمايكى، بۇنداق بىر نەقىل ۋە ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئىككىنچى يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنى (مىلادى 1865 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى ـ ت)دىكى بىر ئۇلۇغ دەۋران ۋە ياخشى ۋاقىت ـ زاماندا، ياخشى ئەخلاقلىق سەيىد غازى خوجا ئىسھاق ئەسكەر، ئەلەم، بايراق ۋە قورال ـ ياراق، كاناي ـ سۇناي، داڭا ـ دۇمباقلارنى ئېلىپ، بۇلارغا شادى ـ خورام ۋە بىغەم ئۆزى باش بولۇپ، نۇسرەتلىك ئون ئالتە مىڭ لەشكەر بىلەن قامۇلنى ئېلىش مەقسىدىگە قەدەم قويدى. بۇ چاغدا قامۇلغا بۇرۇن بارغان موللا تۆمۈر خەلىپە باشلىق ئادەملەر قامۇلدىكى خىتايلارنى تازىلاپ، خوجاملارنىڭ قەدەم تەشىرپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى.

قامۇل بولسا تۇرپاندىن ئون ئىككى مەنزىل يول ئىكەن. بۇ يوللار ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئوت ـ بوغۇز، ئاش ـ تائام تېپىلمايدىكەن. خوجاملار مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يۈرۈپ قامۇلغا بەش مەنزىل قالغاندا ۋاڭ خانلىغىدىن نەچچە ھارۋا ۋە تۆگىدە كۆڭرى چۈشكۈن، قونالغۇ قوي، ئوت ـ بوغۇز، نان ـ توقاچ ۋە يېمىشلەر يېتىپ كەلدى. بۇنىڭ كېيىنىدىن ۋاڭ خانلىقمۇ كېلىپ خوجاملار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. ھەممە ئەسكەرلەرگە نان ـ توقاچ، چاي ۋە ئاشلارنى تارتىپ ھال سۇرىدى. ئاندىن ئۇلارغا ناھايىتى مول سوغا ـ سالاملارنى بەردى. بۇ سوغا ـ سالاملارنىڭ ئىچىدە تۆت يۈز يامبۇ، سەكسىز مىڭ ئاختى ئات بار ئىدى. بەرگەن قويلارنىڭ بولسا ھېساۋى يوق ئىدى. باشقا سوغا ـ سالاملارنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ئىكەنلىگىنى پەقەت مۇشۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگەيسىلەر. سوغا ـ سالاملار ۋە زىياپەت ـ مېھماندارلىق ئاياقلاشقاندىن كېيىن ۋاڭ خان ئالدى بىلەن ياندى ۋە يول باشلاشقا ئادەم تەييارلىدى، جانابى خوجام يۇلتۇزىدەك نۇسرەتلىك ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يۈرۈپ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، ۋاڭ يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ شەھەرگە باشلاپ كىرىپ، چوڭ بىر ئالى ئوردىسىغا چۈشۈردى. باشقا خەلىپە، باتۇرلارغىمۇ ئۆز لايىغىدا ۋە ئۆز دەرىجىسى بويىچە ئورۇن ھازىرلىدى. ھەممىسى ئورۇنلىشىپ سەرەنجام بولغاندىن كېيىن، يەنە ئالاھىدە سوغا ـ سالاملارنى تارتۇق قىلدى. بۇ سوغا ـ سالاملارنىڭ ئىچىدە سەكسىز مىڭ يامبۇ، سەكسىز مىڭ ئاختى ئات، قورال ـ ياراق سايمانلىرى، تۈرمۈش بويۇملىرى، چىرايلىق كىمخاپ قاتارلىق ناھايىتى كۆڭرى نەرسە ـ كېرەكلەر بار ئىدى، خەلىپە ۋە باتۇرلارغىمۇ ئۆز لايىغىدىن ئاشۇرۇپ سوغا ـ سالام بەردى. ھەر تۆت كۈندە تۆت كىشىگە بىر قوي، ئىككى جىڭ كۆك چاي قاتارلىق تەمىناتلارنى ئاشۇرماي ۋە كېمىتتەمەي بېرىپ تۇردى. چۆگىلىرىگە بۇنىڭدىن كۆپ بېرەتتى. بۇ يەرگە بارغانلار بىز قامۇلدا ئۈچ ئاي ياكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ تۇردۇق، تەمىناتنى يەنىلا شۇنداق بېرىپ تۇردى. قامۇل ۋاڭلىغىنىڭ مەنسۈبى چوڭ، دۇنياسى كۆپ ۋە ھېساپسىز ئىكەن. خوجاملار مەزكۇر ئاتلارنى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلدى. لېكىن قاراپ باقساق، ھەممە ئاتلىرى قېرى بولۇپ، يىگىرمە ياشتىن كەم ئات زادى يوق ئىكەن. قويلىرىنىمۇ ئاغزىدا چىشى يوق ئىكەن. بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى سۇرساق، ئۇلار ۋاڭ خاننىڭ يىلقىلىرى ناھايىتى كۆپ، سانىنىمۇ بىلمەيمىز، قويلىرى بولسا ئىككى يۈز ئاتمىش قوتان، ھەر بىر قوتان قوي يەتتە يۈزدىن كەم ئەمەس، بىر مىڭ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئەمەس. باھار پەسلى كىرگەن چاغدا، بىر بەگ بىلەن ئۈچ مىرزا ئاتلىرىنى خەتلەيگىلى بارىدۇ، بىر بەگ بىلەن ئۈچ مىرزا قويلىرىنى خەتلەيگىلى بارىدۇ. بۇلار بەش ئاي ياكى ئالتە ئايدا خەتلەپ ـ ساناپ دېرىگىنى ئېلىپ ۋاڭ خانغا مەلۇم قىلىدۇ. يايلاق ـ قىشلاقلىرىغا بىر ئايدا ئاران بارغىلى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ قانچىلىك كۆپلۈگىنى بىز بىلمەيمىز دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.

نەقىل، ھېكايىلەرگە قارىغاندا، سۇ يەنشەي (يۈەنشۈي ـ ت) (164) ۋە دايەنشەيلەر (165) ئوتتۇز مىڭ تۇڭگانى بىلەن قامۇلغا بېرىپ تالان ـ تاراج قىلماقچى بولغاندا، قامۇل ۋاڭ ئەلچى چىقىرىپ، ئوتتۇز مىڭ تۇڭگانىغا بىردىن ئاختى ئات، بىردىن يامبۇ بېرىسەم، چۆگىلىرىگە كۆپ بېرىسەم، تالان ـ تاراج قىلمىسا دەپ تەلەپ قىلدى. تۇڭگانلار بۇنىڭغا ماقۇل دېمەي، تالان ـ تاراج قىلىپ، قامۇل ۋاڭنى شاھادەتلىككە يەتكۈزدى. كۆزىگە كۆرۈنگەن ۋە قولىغا چىققانىلا نەرسىنى بۇلاپ ـ تالاپ، ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ ياكى ئولجا قىلىپ ياكى ئەسىرگە ئېلىپ ئۇرۇمچىگە ھەيدەپ كەلدى.

بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى بولغان مەن ئۆزەمنىڭ كۆرگەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا، قامۇل ۋاڭ خوتۇنىنىڭ بىر ھېمىلى بار ئىدى. ھېمەل تامامەن مەرۋايىت، زۇمرەت، لەلى ـ ياقۇت، يېشىل رەڭلىك ئېسىل تاش، ئالماس قاتارلىق قىممەت باھا پاكىز تاشلارنى تىزىپ توقۇپ تەييارلانغان ئىكەن. بۇ كۇچارلىق ئاق موللا بايىنىڭ قولىغا چۈشكەن ئىكەن. ئۇ بۇنى ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىپ زاكاتچىنىڭ ئالدىدا مەرغىلانلىق مىر مەھمۇت بايغا ئون يەتتە يامبۇغا ساتتى. چۈنكى بۇ ئولجىغا چۈشكەن مال بولغانلىقتىن، ئەرزان سېتىلدى. قالغان ئەشيالارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنى بۇنىڭدىن بىلگەيسىزلەر.

گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، قامۇلدا ئون بەش مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئادەم بار ئىدى، بۇلار ”ھەممىمىز قامۇل ۋاڭ خانلىغىغا ئىشلەيمىز. مەيلى قىش ياكى ياز بولسۇن، خىتايلارغا بىر نەرسە بەرمەيمىز. ئەگەر خىتايلار قامۇلغا تەئەللۇق زېمىندىن بىر كەسەك توپا ـ تۇپراق ئالماقچى بولسا، ۋاڭ خانلىقنىڭ غەزىنىسىگە كۈمۈش بېرىپ ئاندىن ئالالايدۇ. قامۇل ۋاڭ خاقانى چىننىڭ ئۇلۇغ خاندىن باشقا مەنسەپدارلارغا تازىم قىلىپ باش ئەگمەيدۇ. خىتاي مەنسەپدارلىرى بولسا شاڭتاڭ ۋە شاڭ يامۇن ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ يامۇنلىرىدا قىلماي، بەلكى ۋاڭ خانلىقنىڭ ئوردىسىغا كېلىپ بېجىرىدۇ. ئون بەش ئەۋلات بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقتىن بېرى ئۇلۇغ خان بىزنى قامۇلنىڭ زېمىنى بىلەن قوشۇپ قامۇل ۋاڭغا جۆلدۈ ـ جاساق قىلىپ بەرگەن ئىكەن. شۇڭلاشقا بىز قۇل قاتارىدا ئىشلەيمىز، جۆلدۈ ـ جاساق دېگەننىڭ مەنىسى شۇ“ دەپ، ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بايان قىلدى. ۋاڭ خانلىق بولسا ئۇلۇغ خانغا ھەر يىلدا ئۈچ يۈز ئاتمىش قوغۇن، توققۇز يامبۇ تاش تارتۇق قىلاتتى. ئۇ بۇنىڭ ھېساۋىدا ئۇلۇغ خاندىن نۇرغۇن ئىنئام ئالاتتى. يەنى ۋاڭ خانلىق ھەر يىلى ئۇلۇغ خاننىڭ غەزىنىسىدىن يەتمىش تۆت يامبۇ، خان ئاغچا پۇچىڭ خانىم ئوتتۇز بەش يامبۇ ۋە بىرنەچچە توپ تاۋار ـ دۇردۇن ئالاتتى. قامۇل ۋاڭ ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بېجىڭگە بېرىپ خانغا كۆرۈنۈش بېرەتتى. بېرىپ كەلگەن چىقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى خاننىڭ غەزىنىسىدىن ئالاتتى. قامۇل ۋاڭ ھەر قېتىم بېجىڭگە بېرىپ كەلگەندە، ئاز دېگەندىمۇ بەش يۈز يامبۇ پايدا ئېلىپ كېلەتتى دەپ ھېكايە ۋە رىۋايەت قىلىشىدۇ. ۋاڭنىڭ پايدىسى بەلكى بۇلارنىڭ دېگىنىدىنمۇ ئارتۇق بولسا كېرەك.

خاقانى چىنغا قارايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە قامۇل ۋاڭدەك كاتتا ئۇلۇغ يوق ئىدى، ئۇنىڭ قەدىمىدىن بۇيانقى قائىدە ـ قانۇنلىرى ۋە ئادەت ـ رەسمىيەتلىرى ھەتتا كامالى دۆلەتلىرى شۇنداق ۋە شۇ قەدەر ئۇلۇغ ئىدىكى، مەيلى باشقا ۋاڭ، گۇڭ قاتارلىق كاتتا مەنسەپدارلار بولسۇن، ياكى موللا، پازىل، ئۆلىما، ئىشان ھەزرەت ۋە ئەپەندىلەر بولسۇن، ۋاڭ ئۆزى ئۇلارغا بىۋاستە گەپ ـ سۆز قىلمايتتى. ئۇلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرىنىمۇ بىۋاستە ئاڭلىمايتتى، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ بۇ گەپ ـ سۆزلەر ئۇنىڭ قۇلىغىغا بىۋاستە كىرەلمەيتتى. ئۇنىڭ بىر ياكى ئىككى نەپەر ”مەلۇمچى“ دېگەن بەگلىرى بار ئىدى. ۋاڭ خانلىقنىڭ ھەر خىل يارلىق ۋە بۇيرۇقلىرى بولسا، ئالدى بىلەن ئۇنى مەلۇمچىلارغا دەيدىكەن. مەلۇمچىلار بولسا ۋاڭ خانلىقنىڭ بۇ يارلىق ـ بۇيرۇقلىرىنى ”ۋاڭ خاننىڭ يارلىغى ۋە بۇيرۇغى“ دەپ ئېلان قىلىدىكەن. ئەگەر باشقىلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرى بولسا، مەلۇمچىلار ”ئۇ مۇنداق بىر تەرزىدە ئەرز قىلىدۇ“ دەپ مەلۇم قىلىدىكەن. ئەگەر بىرەر ئادەم ۋاڭ خان بىلەن بىر ئۆي ياكى بىر ماكاندىكى بىر سۇرۇندا ئولتۇرۇپ سۆزلەشسىمۇ، مەلۇمچىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن سۆزلىشىدىكەن. ۋاڭ خان ئۆزىنى زور، يارلىقلىرىنى ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە بۇ ئۇلۇغ سۆزلەرگە ئوششاق ئادەملەرنىڭ ۋاستىسى ۋە ۋۇجۇدى چىدىمايدۇ دەپ ھېساپلاپ، ئۇلارنى مەلۇمچىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن بىر دەرىجە پەسەيتىپ ئاندىن ئۇلارغا يەتكۈزۈشنى يارلىق قىلغان ئىكەن. مەلۇمچىلار بولسا باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىدە دەپ بىلىپ، بۇنى ۋاڭ خانغا ئۆز پېتىچە يەتكۈزۈشكە لاياقىتى يوق دەپ ھېساپلاپ، ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەقىدىسى بىلەن ئارىدا دەرىجە پەيدا قىلىپ، ۋاڭ خاننىڭ ئاڭلىشىغا لايىق قىلىپ، ئاندىن يەتكۈزىدىكەن ياكى ئۇلار مۇنداق قىلىشنى ئالاھىدە بىر مەنسەپ دەپ بىلىسە كېرەك. مۇنداق بىر ئاجايىپ رىۋايەت باركى، ئىسھاق خوجام تۇرپان، ئۇرۇمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەنسەپدارلار، چېرىكلەر ۋە نەچچە تۈمەن، نەچچە مىليون كاپىرنى ئۆلتۈرۈپ، بوي سۇندۇرۇپ، ئاندىن قامۇلنى بوي سۇندۇرماقچى بولۇپ، نەچچە مىڭ قان خۇمار ئەسكەر بىلەن ئاتلىنىپ، ”ئەگەر ۋاڭ ئىتائەت ۋە ئىتائەت قىلسا، ئۇنىڭ مال ـ جېنىنى ۋە يۇرت ئەھلىنى ئۆزۈمگە ئىنئام قىلىپ، ئامانلىق بېرىمەن. مۇبادا ئىتائەتتىن باش تارتسا، ۋاڭ باشلىق ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىمەن“ دەپ ۋاڭلىقنىڭ بېشىغا تىغ تارتىپ بارغان چاغدا، ۋاڭ خان ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، خوجام بىلەن ئىككىسى بىر يا مىقدارى يېقىن بولغان ئىككى سەندەلدە ئولتۇرغان ئىكەن. شۇ چاغدا ۋاڭ خان ”خوجاملارنىڭ ئىسلام ئېچىپ قەدەم تەشىرپ قىلغانلىرىغا مۇبارەك بولغاي“ دەپتۇ. مەلۇمچى بۇ سۆزنى ۋاڭ خانلىق بۇ تەرزىدە يارلىق قىلىدۇ دەپ ئىسھاق خوجامغا يەتكۈزۈپتۇ ۋە ئىسھاق خوجامنىڭ سۆزلىرىنى بولسا خوجام بۇ تەرزىدە ئەرز مەلۇم قىلىدۇ دەپ ۋاڭغا يەتكۈزۈپتۇ. مەلۇمچى يەنە سۆز باشلىغاندا، ئىسھاق خوجام ”ئەي مەلۇمچى بەگ، ئۆز جايىڭىزغا بېرىڭ. ۋاڭ خاننىڭ تىلىنى مەن بىلىمەن. مېنىڭ سۆزۈمنى ۋاڭ خان پەمىلىيەلەيدۇ“ دەپ ئۆزلىرى بىۋاستە سۆزلىشىپتۇ. دېمەك، قامۇل ۋاڭ خاقانى چىننىڭ ئىلتىپاتى ۋە پۇل دۇنياسىنىڭ كۆپلۈگى، ئۆزىنىڭ بىغەم ـ خاتىرجەملىگى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق مەغرۇر ۋە مەپتۇن بولغان ئىكەن.

قامۇل ۋاڭلىرى ئۆزىنىڭ نەسەپ ۋە نەسلىنى ”تارخان بەگ“ لەرگە باغلايدىكەن. «تارىخى زەپەرنامە» (166) دېگەن كىتاپتا يېزىلىشىچە، چىڭگىز قاغان يېڭىدىن باش كۆتەرگەن زاماندا، نايماننىڭ ئولۇغى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇنىڭ قولىغا چۈشتى ۋە ئەپۇ قىلىپ ئۆز تەربىيىسىگە ئالدى ھەم قىزىنى بېرىپ كۈيئوغۇل قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ خاتىرجەم بولالماي كېيىنگە چۈشۈپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى، خاننىڭ ۋەزىرى ”تېمۇچىننى خان ئۆلتۈرمەكچى بولدى“ دەپ خوتۇنىغا ئېيتىپ قويدى، ئاق ئۆينىڭ تېشىدا تۇرغان ئىككى مەھرىمى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تېمۇچىنغا خەۋەر قىلدى. تېمۇچىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى بۇ ھالاكەت ئورنىدىن قۇتغۇزۇپ، خالاسلىق سائادىتىگە ئۇلاشتۇردى، چىڭگىز قاغاننىڭ بۇرۇنقى ئىسمى تېمۇچىن ئىدى. ئۇ كاتتا پادىشا بولغاندا، يۇقۇرقى ئىككى مەھرەم ئوغۇلنى ۋىلاتتىن ئەۋلاتقىچە تارخان قىلىپ يارلىق تاپشۇرۇپ، ئۆز يېقىنلىرىدىنمۇ ئۈستۈن قويۇپتۇ. چىڭگىز قاغان ئەۋلاتلىرى زامانىدا، ھەتتا ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ زامان ـ ئەسىرلىرىدىمۇ بۇ تارخان بەگلىرىنىڭ ئەۋلادى ناھايىتى مۆتىۋەر ۋە ئەزىز نامدار باتۇرلار جۈملىسىدىن ئىدى. ئەمدى ئومۇمەن، بارلىق تارخان بەگلىرى ئۆز نەسەپلىرىنى يۇقۇرقى ئىككى مەھرەم ئوغۇلغا باغلايدۇ دېگەن رىۋايەتلەر بار. بۇلارنىڭ ئەقىدىلىرى پاكىز، ئىخلاسلىرى زىيادە، شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئۆلىما ۋە فۇزۇلالارنى (پەزىلەتلىكلەرنى ـ ت) يېتىشتۈرۈش، مەدرىسە، مەكتەپ، خانىقالارنى ئېچىپ گۈللەندۈرۈش، ئىلىم ئۆگەنگۈچى تالىپلارنى تەربىيىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەتتا ئىلىمى تىبابەتچىلىك ئىشلىرىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇشتا ناھايىتى سۈپەتتىن تاشقىرى ئولۇغ تەپىلىرى بار ئىدى، شۇڭلاشقا، ھەممە قامۇل ئەھلى ئاللانىڭ ھەممە پەرزلىرى، شەرىئەت مەسىلىلىرىنى ئادا قىلىشتا ۋە ئۇنى ئۆگىتىشتە، ھەتتا تىبابەتچىلىك بابىدا ناھايىتى دانا خەلق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلىمسىز ـ توركلەر ناھايىتى كەم.

سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، خوجا ئىسھاق خوجام قامۇلدا تۇرغان چاغدا، ساخۇ (167) تۇڭگانلىرى ئەلچى ئەۋەتىپ، ”خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ ۋە قوغلاپ شەھىرىگە كىرىپ قالدۇق ۋە شەھەرنى ئالدۇق. لېكىن خىتايلار يەنە بىر دەرۋازىدىن چىقىپ بىزنى شەھەرگە قورشاپ ئالدى. بىز شەھەرگە سۇلىنىپ قالدۇق. شۇڭلاشقا يار ـ مەدەتلە بولۇپ، لەشكەر ئەۋەتىپ بىزنى قۇتغۇزۇپ ئالسىڭىزلەر“ دېگەن ئەرز خېتىنى تاپشۇردى. لېكىن، بالەكۆلگە تۇرپان، ئۇرۇمچىدىن قېچىپ بارغان خىتايلار ۋە ئۆز شەھىرىنىڭ خىتايلىرى بولۇپ، جەمئى بىر لەكتىن ئارتۇق خىتاي توپلۇنغان ئىكەن، بالەكۆلدىكىلەر قېچىپ بارغان خىتايلارنى شەھەرگە كىرگۈزمەي، شەھەردىن بىر مەنزىل يىراقتا يېگپەن سۇقۇپ، ئاش ـ ئوزۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى قاراۋۇلچى تەرىقىسىدە توختىتىپ قويغان ئىكەن. بۇ چاغدا، ئىسھاق خوجام خەلىپە باتۇرلارنى باش قىلىپ، ئون مىڭ لەشكەرنى بالەكۆلگە بۇيرۇدى. بۇلار بالەكۆلگە يېتىپ بېرىپ، نەچچە قېتىم يېگىپ ۋە نەچچە قېتىم قېتىم يېگىلىپ، يېگپەندىكى خىتايلارنى بوي سۇندۇرۇپ، شەھەرگە باردى. شەھەرنىڭ بىر تەرىپىدە قالماقلار بىنا قىلغان بىر شەھەر بار ئىكەن. بالەكۆلنىڭ خىتايلىرى ناھايىتى باتۇر ۋە يامان ئىكەن. ئۇرۇشقا چىققان نەچچە مىڭ خىتاينىڭ ئىگەر ـ جابدۇقلىرى، ھەتتا كۆرپەچە ـ يوپۇقلىرىغىچە ھەممىسىلا ئەنجانچە ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۇرىساق، ئۇلار ”بۇ خىتايلار قەشقەرگە ئۇرۇشقا بارغان ۋە تولا ئۇرۇش كۆرگەن“ دەپ جاۋاپ بەردى.

بالەكۆلدىكى ئۇرۇش بازىرى ناھايىتى قىزىپ، جانلارنى بېرىپ، جانلارنى ئېلىپ تۇرۇشقان ھەم شەھەرنى پەتىھ قىلىشنىڭ خوشاللىق مەۋسۈمى چىرايىنى ئېچىپ يېقىنلاشقان، مۇرات ـ مەقسەت باغچىلىرىدىن گۈللەرنى ئۈزىدىغان كۈنلەر يېتىپ كېلىپ، ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ دۆلەت ئىقبالى مەرتىۋىسى كۈندىن ـ كۈنگە يۇقۇرىلاپ ۋە تەرەققى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىقبال نۇر شولىسى كۆتۈرۈلۈپ ۋە ئۇلغىيىپ، ھەممە جەھەتتىن ئاسانلىق ۋە سائادەتمەنلىك يەتكۈزۈپ تۇرغان بىر پەيتتە، راشىدىن خان خوجامدىن بىر يارلىق كەلدى. يارلىقتا ”قىرغىز، قىپچاقلار قەشقەرنى ئالدى ۋە ياركەنتنىمۇ بېسىۋاپتۇ. بۇ تەرەپتىكى خوجىلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەلدى. تولا لەشكەر، قورال ـ ياراق ۋە غەزىنە زىيان بولدى. ئۆزلىرى دەرھال لەشكەرنى باشلاپ كېلىپ، ئەنجانلىق قىپچاقلاردىن بۇ شەھەرلەرنى ئاجرىتىپ ئالمىسىلا، بۇ دۈشمەنلەر كۆپىيىپ كەتكەندىن كېيىن ئىش ياخشى بولماس. چۈنكى، بۇلار بىزگە يېقىن كېلىپ قالغان ئەڭ يامان دۈشمەندۇر، تامام“ دەپ يېزىلغان ئىدى. خەۋەر لەشكەر ئارىسىغا تارالدى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتا ـ ئانا ئۇرۇق ـ قاياشلىرىنى، بالا ـ پەرزەنتلىرى، خوتۇن ـ ئاياللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنى ياد ئېتىپ سېغىنىپ تۇرغان بىر ھالىتى تۇراتتى. ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ جەڭ ـ غازاتتىن پۈتۈنلەي كۆڭلى سۇۋۇپ، ئۆز يۇرتىغا يېنىش ھەۋەس ـ ئارزۇسىغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ چوڭ ـ كىچىك ھەممىسىلا بىر ئىتتىپاق ـ بىر نىيەتكە كېلىپ، ”ئۆز يۇرتىمىزغا قايتىپ، ئالاھىدە ئايرىم كېلىپ يەنە قالغان شەھەرلەرنى پەتىھ قىلساق“ دەپ خوجاملارنىڭ ئاياقلىرىغا يۈزىنى سۈرتۈپ يىغلىشىپ تۇردى. نۇسرەتلىك بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتىزامى خېلى بۇزۇلۇپ پاراكەندە ۋە بىسەرەنجام بولدى. خوجاملار بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىشكە ھەيران بولۇپ، سەراسىمىدە قالدى.

سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، ھەرقانداق تىك تۇرغاننىڭ يىقىلىشى ۋە ئۆرلىگەننىڭ تۆۋەنلىشى بولسا، قەدىمقى زاماندىن بۇ بىئىنتىزام ۋە بىسەرەنجام دەۋرگىچە داۋاملىشىپ، ۋەقە ۋە جارى بولۇپ كەلگەن بىر ئەھۋالدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق دۆلەت ئىنتىزام ۋە سائادەت سۆلەت لەشكەرلەر نۇسرەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرغان بىر ھالەتتە، مۇنداق مەھەللىسىز ۋە پايدىسىز يارلىقنىڭ كېلىشى، خۇددى ۋەيران خارابلىققا ھوقۇش سايراغاندەك ۋە قاتتىق زاۋال ۋاقتىدا خوراز چىللىغاندەك، جەمىيەتنىڭ پاراكەندە بولۇشى، ئىقبال شام چىرىغىنىڭ بەختسىزلىك بورانلىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلۈشى، دۆلەت ئاپتىۋىنى زۇلۇمەت بۇلۇتىنىڭ خىرە قىلىشىغا سەۋەپ بولدى، ئاقىۋەت، ئىسھاق خوجام بالەكۆلنى چالا تاشلاپ، قامۇلنى چىڭ ۋاڭ خانلىغىغا بېغىشلاپ، ئۇرۇمچى قاتارلىق تۇڭگانى شەھەرلىرىنى داۋۇت خەلىپە بىلەن سودالويىگە مەرھەمەت قىلىپ، تۇرپاننى ئايدىن خوجام بىلەن سۇ يۈەنشۈيگە ئىنايەت قىلىپ، كورلىنى ئۆزىنىڭ كۆز نۇرى بولغان پەررۇخشاھ خوجامغا تاپشۇرۇپ، بۈگۈرگە تاھىر غازى بېگىنى سۇيۇرغال قىلىپ، خۇداۋەندەكېرىمنىڭ ئىلتىپاتى ھەم دۆلەت ئىقبال ئۇلۇغ مەرىتىۋىلىرى بىلەن ئۆز ئەسكەرلىرىنى باشلاپ دەبدەبە ساداسى، سۇناي، كاناي نەغمە ـ ناۋاسى بىلەن ھاي ـ ھۇيلارنى قىلىپ، دارۇل سەلتەنەت كۇچار زېمىنىغا يېتىپ باردى. ئالدىغا چىققانلارنىڭ كۆپلۈگى، ئاتا ـ بالا قېرىنداشلارنىڭ كۆرۈشۈشى، شاھادەت شەرۋىتىنى ئىچكەنلەرنىڭ ئاتا ـ ئانىلىرى، خوتۇن ـ بالىلىرىنىڭ يىغا ـ زارى ۋە ئاھ ـ پىغانى، تاماخىچىلارنىڭ ھاي ـ ھۇي دېگەن غۇلغۇلا ئاۋازى پەلەكتىن ئۆتۈپ پەلەككە چىقىپ، توققۇز راۋاقلىق پەرىشتە ـ مالايىكىلەر قۇدۇس گۇرۇھىنىڭ ئىچىگە قوزغىلاڭ سالدى. خوجاملار مۇشۇنداق داغدۇغا ئىچىدە كۇچارغا چۈشۈپ كۆك ـ كۈشادە ۋە كۆڭۈلگە لايىق جاي ـ ماكانلارغا ئورۇنلىشىپ، دۆلەت ئىقبال ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋىلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرى، دوست جامائەتلىرى ۋە ئەھلى ئاياللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، غېرىپ ۋە ئاجىزلارغا نەزىر ـ چىراقلارنى قىلىپ، خىش ـ ئەقرىبالىرىغا كىيىم ـ كېچەك، خىراجەت تىللا قاتارلىقلارنى ھەدىيە ۋە ئېھسان قىلىپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى، ئاللانىڭ بەرگەن مەرھەمەت ۋە ھەممىسىگە شۈكۈر.

15

ياخشى ئەخلاقلىق سەيىدخوجا ئىسھاقنىڭ ياركەنت ۋە قەشقەر غازاتىغا قەتئى نىيەت باغلىشى ۋە ئاتالىق غازى مۇھەممەت ياقۇپ بەگ قۇشبېگى بىلەن سۇلھى شەرتىنى تۈزۈپ ئۆز ۋەتىنىگە قايتقانلىغى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

مۇھەببەتلىك خالىس يارەنلەر، ئىخلاسلىق خاس بۇرادەرلەرنىڭ دىللىرىغا ئاشكارا ۋە مۇئەييەن بولغايكى، كۇچار دار سەلتەنەتتە گۇيا مۇشتىرى (يۇپىتېر ـ ت) بىلەن ناھىد (ۋېنىرا ـ ت) سەييارىلىرى بىر سىزىقتا ئۇچراشقاندەك، راشىدىن خان خوجام بىلەن ئىسھاق خوجام بىر بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇڭدىشىپ، سەرگۈزەشتلىرىنى ئېيتىشىپ، سوغا ـ سالام ۋە زىياپەت ـ مېھماندارچىلىقلار ئادا قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسھاق خوجام غەلىبە ـ نۇسرەتلىك ۋە ياخشى ئاقىۋەتلىك لەشكەرلىرىنى باشلاپ، مۇرات ـ مەقسەتنىڭ غەلىبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى تاشلىدى، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئىككىنچى يىلى ماھى باراتنىڭ (ھىجرى 8 ـ ئاي ـ ت) ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 1865 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى ـ ت) ئىسھاق خوجام كۇچاردىن يولغا چىقىپ، مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يۈرۈپ، ئاقسۇغا باردى ۋە ئالى دەرىجىلىك، كەڭ ـ كۈشادە خانلىق باققا چۈشتى. لېكىن قامۇلدىن ئىسھاق خوجامنىڭ ئوغلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى كۇچاردا تۇرۇپ قالدى. ئىسھاق خوجام بولسا ئۆزىگە خاس مەھرەم ۋە مۇلازىم، دادخوا ۋە ياساۋۇل باتۇرلىرى بولۇپ جەمئى ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى باشلاپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى ئۇچتۇرپان لەشكەرلىرىنى ھامىددىن خوجام باشلاپ بارىدۇ دېگەن يارلىق چۈشكەن ئىدى. ئىسھاق خوجام ئاقسۇدا ئون كۈنچە تۇرۇپ، نۇر ماشايىخلارنىڭ مازارلىرىنى زىيارەت قىلىپ، غېرىپ ـ بىچارىلەرگە نەزىر ـ چىراق ۋە خەير ـ سەدىقىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ پاتىھە ۋە دۇئالىرىنى ئېلىپ، توختى مۇھەممەت باتۇر، ئىبراھىم باتۇرلارنى باش قىلىپ، ئىككى مىڭ لەشكەرنى بىر كۈن بۇرۇن يولغا سالدى. ئىسھاق خوجام بولسا ئۆزىگە بىۋاستە قاراشلىق مەھرەم، دادخوا ۋە باتۇرلارنىڭ كېيىنىدىن يولغا چىقتى. بۇلارنىڭ دەبدەبىلىرى، قورال ـ ياراقلىرى ھەم سۆلەتلىرىدەك ئەھۋال بۇ موغۇلىستان يۇرتىدىكى ھېچقانداق پادىشادا بولۇپ باقمىغان بولسا كېرەك. بولۇپمۇ سەپنىڭ ئالدىدا ئىككى ئاتلىق لەشكەر لەئلۇجەۋھەر، ئالماس، ياقۇت قاتارلىق قىممەت باھا بويۇملاردىن كۆز قۇيدۇرۇپ ياسالغان قالماقچە كاناينى چېلىپ ماڭغان ئىدى، ئۇنىڭ كېيىنىدىن ئىككى ئاتلىق سۇنايچى، ئالتە ئاتلىق ناغرىچى ماڭغان ئىدى. ئۇنىڭ كېيىنىدىن يەنە ئىككى ئاتلىق كانايچى ماڭغان ئىدى. بۇ ئون ئىككى ئاتلىق كانايچى ۋە سۇنايچىلارنىڭ كاناي، سۇنايلىرى بىر بىرىدىن ئارتۇق بولۇپ، خۇددى لەلۇ ياقۇت ۋە ئۈنچە ـ زۇمرەتتەك پارقىراپ تۇراتتى. بۇ ئون ئىككى ئادەم مىنگەن ئاتلارنى ئون ئىككى پىيادە ئادەم مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يېتىلەپ ماڭغان ئىدى. ئالدىدىكى بىر جۈپ كاناينىڭ ئاۋازى پەس، ئۇنىڭ كېيىنىدىكى بىر جۈپ كاناينىڭ ئاۋازى ـ ساداسى ۋە باشقا كانايلارنىڭ ئاۋازى بىراز پەسلىشى بىلەن، ئارقىدىكى سۇنايلارنىڭ مۇڭلۇق غەزەل ـ مۇقاملىرى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان زىل ـ بوم جىگەر سۆزلىرى، ”ھوزۇرۇم“ نەغمىسىنىڭ دىلنى ئاچقۇچى بېيىتلىرى بۇ كۆك ئالەم گۈمبىزىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ يۇلتۇزى پەلەككە چىرماشتى.

بۇ چاغدا، ئاتىسنىڭ مېردىگە بوي سۇنماي، ئانىسىنىڭ پەرمانىغا باش ئەگمەي، باغ سەيلىسى ۋە قىزىل گۈل تاماشىسىنى خىيال قىلىپ، ياكى ئاتا ـ ئانىسىدىن خەۋەر ئالماي ياكى خوتۇن، بالىسى بىلەن كارى بولماي، بىھوش ۋە بىخۇتلارچە ئۆزىنى يوقاتقان ئۈچ مىڭ ياكى تۆت مىڭ ياش يىگىت ئۇلارنى ئەگىشىپ ئىككى ـ ئۈچ مەنزىل يەرگە بارغاندا، بەزىلىرى ئۆزىنى توختىتىپ كېيىنگە ياندى. بەزىلىرى ئۆزىنى توختىتالماي، يۇقۇرقىدەك شېرىن خىياللار بىلەن ياركەنتكە ماڭدى. بەزىلىرىنى بولسا ئاتا ـ ئانىسى ياندۇرۇپ كەلدى. بەزىلىرى ئاتا ـ ئانىسىنى مېنىپ بارغان ئاتلىرىنى مىنىپ، قوشۇننىڭ كېيىنىدىن يەتتى. ئىسھاق خوجام ئەنە شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياركەنت تەۋەسىگە باردى ھەم ياراتقۇچى ئاللانىڭ خەيرىخاھلىغى ۋە لۇتپى ئىنايىتى بىلەن ياركەنت شەھىرىگە كىرىپ تەيىنلەنگەن زىننەتلىك، كەڭ بىر ھويلىغا چۈشتى. لېكىن ھامىددىن خوجامدىن ھېچقانداق خەۋەرنىڭ ئەسىرى ياكى لەشكەرلىرىدىن بىرەر نىشان ـ نەمۇنە بولمىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن جامالىددىن خوجام خائىنلىقتىن قاچقان چاغدا، مۇھەممەت ياقۇپ بەگ قۇشبېگى ياركەنتنى بوي سۇندۇرۇپ، كىچىك خان تۆرەمنى ياركەنتكە ھاكىم قىلغان ئىدى. ئىسھاق خوجام ياركەنتكە بېرىشى بىلەنلا، تۇڭگانلار كىچىك خان تۆرەمنى يېڭى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ زادىلا سىرتقا چىقارمىدى، نەتىجىدە ياركەنتنىڭ بىر قىسمىغا خوجاملار، يەنە بىر قىسمىغا تۇڭگانلار ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

ئىسھاق خوجامنىڭ ياركەنتتە ئولتۇرغانلىغىنى قۇشبېگى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ شاخماتۋازلىق ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ، نۇرغۇن قوشۇن بىلەن مارالۋېشىغا كېلىپ، تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، بۇ جاينى بوي سۇندۇردى. ئۇنىڭ شاخماتۋازلىغىنى شۇنىڭدىن كۆرۈش مۇمكىنكى، بىر ئات سەكرەتمەكلىك بىلەنلا مات قىلىپ ئولتۇرۇش ئويۇنىنى ئويناپ، شاھنى بەنت قىلدى، يەنى ئىسھاق خوجام ياركەنتتە سۇلىنىپ قالدى. بۇ چاغدا، قۇشبېگى ياركەنتكە بېرىپ، ھەپتى مۇھەممەدان مازىرىدا چېدىر ـ بارگاھلىرىنى تىكتى. قۇشبېگى شەھەرنىڭ تېشىدا، خوجاملار كونا شەھەردە، تۇڭگانلار بولسا كىچىك خان تۆرەم بىلەن يېڭى شەھەر ئىچىدە تۇراتتى. بۇ ئۈچ تەرەپ بىرنەچچە كۈنگىچە ئۇرۇش قىلماي، بىر بىرىنى ماراپ تىنچ تۇردى. ئاقىۋەت تۇڭگانلار ئىسھاق خوجام بىلەن مەسلىھەتلەشىپ جەڭ ـ جېدەلگە تەييارلاندى. بۇ چاغدا نىياز ئىشگاھى بەگ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، قۇشبېگىگە ”پالانى كېچىسى توققۇز مىڭ تۇڭگانى ۋە ئىككى مىڭ يەرلىك كىشى چىقىپ، كېچىلىك ھۇجۇم قوزغىماقچى، بۇنىڭغا تەدبىر قىلسىلا، بۇنىڭدىن باشقا قولۇم كېلەلمەيدۇ، تامام“ دەپ خەۋەر قىلدى. قۇشبېگى بۇ خەۋەردىن ۋاقىپ بولۇپ، شۇ كېچىسى لەشكەرلىرىنى تۆت تەرەپكە چىقىرىپ، چېدىر ـ بارگاھلىرىنى بوشىتىپ، دىققەت بىلەن قاراپ تۇرسا، تۇڭگانلار توپ ـ زەمبىرەك، قورال ـ ياراقلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، قۇشبېگىنىڭ قوشۇنىغا كېچىلىك ھۇجۇم باشلاپ، بارگاھقا خۇددى پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئاتتى. لېكىن ئۇلار قاراپ باقسا، بۇ يەردە ھېچ ئادەمنىڭ نىشان ياكى ئەسىرى يوق ئىدى. ھەممە چېدىر ـ بارگاھلار بولسا ئۆز جايىدا خالى تۇرۇپتۇ. شۇ پەيتتە قۇشبېگىنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى بالايى ـ ئاپەتتەك چوقان ـ قىيغاس ساداسىنى ياڭرىتىپ، تۆت تەرەپتىن يېتىپ كېلىپ، تۇڭگانلارنى ئارىغا ئېلىپ، چاپ ـ چاپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى نىس ـ نابۇت قىلدى. ئالتە يۈزدىن ئارتۇق تۇڭگانى ۋە سەكسىز يۈزچە مۇسۇلمان جېنىنى جايلىپ ئامان قالدى. قالغانلىرى بولسا غەزەپ ـ قەھرىيەت ۋە تىغ سىياسەت ئاستىدا ھالاك بولۇپ يوقالدى.

ئىسھاق خوجام بىلەن تۇڭگانلارنىڭ جەڭ ـ جېدەلگە مادارى قالمىدى، شۇڭلاشقا، ئۇلار سۇلھى قىلىشتىن باشقا يول تاپالماي، نائىلاجسىزلىقتىن سۇلھى تۈزۈشكە قارار قىلدى. چۈنكى، لەشكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھالاك بولغان ئىدى. تاماخا ئۈچۈن بارغانلارنىڭمۇ كۆپ قىسمى نابۇت بولدى. بۇنىڭدىنمۇ كۆپ قىسمى ئولجا ئەسىرگە چۈشتى. قۇشبېگىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، ئىسھاق خوجام قۇشبېگىنىڭ چېدىرىغا تۈۋەنچىلىك بىلەن يېتىپ بېرىپ سۇلھى تۈزۈشتى. قۇشبېگى كاتتا زىياپەتلەرنى قىلىپ، كۆپ سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى مىرزا ئەھمەت قۇشبېگىنىڭ چېدىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز لەشكەرلىرىدىن ئايرىپ قويدى ھەم ئۇنى يەنە ئالدىغا چاقىرىپ، مېھرىۋانلىق قىلغاندەك بولۇپ، ئىسھاق خوجامنىڭ خاپا بولغانلىغىنى سېزىپ، چاقچاق تەرىقىسىدە ”ئەگەر مۇشۇنداق يول بىلەن بىز ئۆزلىرىنىڭ قولىغا چۈشسەك نېمە قىلار ئىدىلە“ دەپ سورىدى، خوجام ”مۇبادا سىز مېنىڭ قولۇمغا چۈشكەن بولسىڭىز ئىدى، سىزنى ئاتقا تېڭىپ، مەھكەم باغلاپ، كۇچارغا ماڭدۇرار ئىدىم. بۇ كەمگىچە سىز مارالۋېشى ئەتراپىغا يەتكەن بولار ئىدىڭىز“ دەپ جاۋاپ بەردى، بۇ سۆز ئاتالىق غازىغا ناھايىتى ماقۇل چۈشتى. ئۇ خوشال بولۇپ، ”ئەي تۆرەم، راست سۆزنى ئېيتتىلا، ئۆزلىرى بولسا راست سەيىد ئىكەنلا، مەن تەستىق قىلدىم“ دەپ كۆپ ياقتۇرۇپ ئاپىرىن ئوقۇدى. قۇشبېگى يەنە ”راشىدىن خان خوجا ئاقسۇنى ئۆزلىرىگە بەرسۇن، ئۆزلىرى ئاقسۇدا تۇرۇپ مارالۋېشىنىڭ ئۇ تەرىپىگىچە بولغان جايلارنى سۇرىسىلا. بىز بۇ تەرەپنى سۇرىساق، ئۆزلىرى خىتايلار بىلەن كۆپ غازات قىلىپ، غازىلىق دەرىجىسىگە مۇيەسسەر بولۇپتىلا، ئەمدى بىز ئىتتىپاقلىشىپ، ئارىمىزدا خەت ـ ئالاقە ئىشلىرىنى قىلىپ تۇرساق، مۇبادا بىرىمىزنىڭ بېشىگە بىر تەرەپتىن دۈشمەن كەلسە، بىر بىرىمىزگە يار ـ مەدەت بەرسەك، ئەگەر خان خوجا ئاقسۇنى ئۆزلىرىگە بەرمىسە، مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە لەشكەر تارتىپ بېرىشىم مۇمكىن. ئۇ چاغدا ئالەمنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسى بولغان ئاللا پەتىھى غەلىبىنىڭ ئىشىگىنى قايسىمىزغا تارتىپ ئاچسا، بىز بۇنى ئۆزىمىزنىڭ بەخت ـ تەلەيىدىن كۆرسەك“ دەپ، ئۆز لايىغىدا ياخشى تون ـ كېچەك، سەللە، كۆلا ۋە بارلىق جابدۇقلىرى بىلەن ئارغىماق ئات تەييارلاپ، خوجامنىڭ قولتۇغىدىن يۆلەپ ئاتقا مىندۈرۈپ، ئولجا ـ ئەسىرلەرگىمۇ ئىلتىپاتلارنى قىلىپ، يول خىراجىتى ۋە ئوزۇق ـ تۈلۈك، ئات ـ ئۇلاغلىرىنى بېرىپ ئۇلۇغلاپ، كۇچارغا يولغا سالدى.

بۇ چاغدا ياركەنتتىن ئاقسۇ، كۇچار تەرىپكە ۋە ئاقسۇ، كۇچاردىن ياركەنت تەرىپكە بىرەر ئادەم ئۆتەلمەي ۋە نېمە ئىش بولغانلىغىنىمۇ بىلگىلى بولماي تۇرغان بىر ۋاقىت ئىدى. بۇ كۈنلەردە خان خوجام يارلىق قىلىپ، ھامىددىن خوجامنى ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپان لەشكەرلىرىگە باش قىلىپ مارالۋېشىغا ماڭدۇرغان ئىدى ھەم بۇلار ئالدى بىلەن مارالۋېشىنى ئېلىپ، ئاندىن ياركەنتكە بېرىپ، ئىسھاق خوجامغا مەدەت ۋە ياردەم بەرسۇن دەپ ئويلىغان ئىدى، ھامىددىن خوجام جەمئى بىر مىڭ لەشكەر بىلەن ئاتلىنىپ، چاڭ ئۆتەڭدە تۇرغان ھېكىم خان تۆرەمنىڭ ئىراۋۇلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئولجا ـ ئەسىرگە ئالدى. بەزىلىرىنى يوق قىلدى، بەزىلىرى قېچىپ بېرىپ ھېكىم خان تۆرەمگە خەۋەر قىلدى. تۆرەم لەشكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ جەڭگە كىرىشتى. ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز قاتتىق جەڭ بولدى. ئاخىرى ھامىددىن خوجامغا شىكەستلىك يېتىپ، ئارقىغا چېكىندى، ئەجەل يەتكەنلىرى كەتتى، تىرىك قالغانلىرى بولسا پىيادە ۋە ئاتلىق بولۇپ، ئاچ ـ يالىڭاچ ئاۋارىچىلىكلەرنى تارتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ماكانلىرىغا جېنىنى ئېلىپ، ئامان كەلگەنلىكلىرىگە ناماز شۈكۈر ۋە ھەمدۇ ـ سانالارنى قىلىشتى.

ئىسھاق خوجام قۇشبېگىنىڭ دەستى ـ چاڭگىلىدىن تىنچ ئامان قۇتۇلۇپ، مالال ۋە غەمكىن ھالدا مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يۈرۈپ ئاقسۇغا كەلدى. لېكىن، ئاقسۇدا خوجاملار، ياركەنتنى بىر ئاتقا سېتىپ كېلىپتۇ دېگەن تەنە گەپلەر تارقالغان ئىدى، بىراق خان خوجام ئىسھاق خوجام بىلەن قامۇل، تۇرپان ئەتراپلىرىدىن كەلگەن لەشكەرلەرنى كۇچاردا قالدۇرۇپ، ئىسھاق خوجامنى ئاز ئادەم بىلەن ياركەنتكە ماڭدۇرغان ئىدى، ئاقسۇدىنمۇ چېرىك قوشمىغان ئىدى. ھامىددىن خوجامنى بارىدۇ دەپ يارلىق قىلغان ئىدى، لېكىن ئۇنى ئەۋەتمىدى. خان خوجامنىڭ نىيەتلىرى بولسا باشقىچە بولۇپ، ئۆزگەچە ئىدى. چۈنكى، ھەممە چوڭ ـ كىچىكنىڭ ئاغزىدا ھەتتا ھەممە شەھەرلەردە ئىسھاق خوجامنىڭ نامى شۆھرەت تېپىپ، ھەممە لەشكەر ۋە پۇقرالار ئىسھاق خوجام تەرىپىگە مايىل بولغان ئىدى. شۇنداقلا ئىسھاق خوجام قانداق شەھەرگە قەدەم قويسا، شۇ جايدا زەپەر ئىشىگى ئېچىلىپ، غەلىبىگە ئېرىشىپ تۇرغانلىغى ئۈچۈن خان خوجام ياركەنت ۋە قەشقەرنى بانا قىلىپ، ئۇنى لەشكەرلىرى، قورال ـ ياراقلىرى ۋە سۆلەت ـ شۆكەتلىرىدىن ئايرىماقچى بولغان ئىدى. خان خوجام ئاقىۋەت بۇ مەقسىدىگە يەتتى. شۇنىڭدەك، خان خوجام ئىسھاق خوجامنى ئاز ئادەم بىلەن كۆپ دۈشمەن ئۈستىگە بېرىشنى يارلىق قىلغان ئىدى ھەم دۈشمەنلەر مارالۋېشىنى قولىغا كىرگۈزۈپ، يوللار ئېتىلىپ، ئىسھاق خوجامغا ياردەم ۋە مەدەت ئۆز ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىدى، خان خوجام بۇ ئەيىپنى ۋە بىخەستىلىكنى ئۆزىدىن كۆرمەي، بەلكى ئىسھاق خوجامغا قويدى. گەرچە ئىسھاق خوجامنىڭ كېيىنىدىن بىر مىڭ بەش يۈز لەشكەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ، مەھەللىسىز ئەۋەتىلگەن بۇ لەشكەرلەر ياركەنتكە بارالماي، ئاقسۇدا تۇرۇپ قالدى. بۇ لەشكەرلەر بولسا قامۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئىسھاق خوجامنىڭ خىزمىتىدە بولغان لەشكەرلەر ئىدى. ئىسھاق خوجام بۇ ئەھۋاللاردىن خاپا بولۇپ كۇچارغا قاراپ يولغا چىققاندا، بۇ لەشكەرلەر بىلەن بۇرۇن ئاقسۇدا تۇرغان لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئىسھاق خوجامغا ئەگىشىپ يولغا چىقتى ۋە بۇ جايدىن ئۆزى خالىغانچە ئايرىلماقچى بولدى.

بۇ چاغدا، ئاقسۇدىكى جامالىددىن خوجام ئىسھاق خوجامنىڭ ئالدىغا ئۆزى كېلىپ، ئۆزرە ـ خالىق سۇراپ، بارلىق گۇنانى ئۆز ئۈستىگە ئالدى ۋە ئالاھىدە سوغا ـ سالاملارنى بېرىپ زىياپەت ۋە مېھماندارچىلىقلارنى قىلدى. بىر بۆلۈم ئەسكەرلەرنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ئىتتىپاق ۋە ئىناقلىقنىڭ يىپىنى يېگۇۋاشتىن باغلىدى. خۇش پېئىل ۋە ئالى مۇقاملىق ئىسھاق خوجام جامالىددىن خوجامنىڭ ئىلتىماسىنى ماقۇل كۆرۈپ، ئەسكەرلەرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە تاھىردىدىن خوجام، ھوللاش غەزنىچى، ئابدۇلۋاھاپ بەگ، ئەيسا بەگكەلەرنى باش قىلىپ، بىر مىڭ لەشكەرنى ئاقسۇدىكى خوجامغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. جامالىددىن خوجام ناھايىتى خوش بولۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مەزكۇر لەشكەرلەرگە تون ـ كېچەك بېرىپ خوشال قىلدى، لەشكەرلەرنىڭ ئىتتىپاق ۋە ئىناقلىق يىپى بوشاپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئەندىزىسى بوشاپ سۇسلۇققا قاراپ يۈزلەندى. سەيىد غازى ئىسھاق خوجام بولسا دۆلەت ئىقبال بىلەن ئاتلىنىپ كۇچار شەھىرىگە كېلىپ، قۇدرەتلىك ئاللا دەرگاھىدىن قانداق ئىشلار يۈز بېرەر ئىكەن دېگەن خىياللار بىلەن ئاللاغا دۇئا قىلىپ مەدەت تىلەپ، خاتىرجەملىك بىلەن يالۋۇرۇپ قاخشاپ، ئۇنىڭ مەرھەمەتلىرىگە يۈز كەلتۈردى. بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئۆتەپ، نەزىر ـ چىراقلارنى ئۆتكۈزۈپ، خىش ـ ئەقرىبا ۋە دوست ـ بۇرادەرلىرىگە رەھىم ـ شەپقەتلەرنى كەلتۈرۈپ، كىيىم ـ كېچەك، تىللا قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىپ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ ياتتى ـ تامام.

16

كۇچارلىق خوجاملارنىڭ ئىتتىپاقسىزلىغى ۋە ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ھالەتلىرى، ئېرىشكەن بۇ ئۇلۇغ دۆلەتكە شۈكۈرى قىلماي، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتتىن تامام ئايرىلىشى، كوتۋامىگەن بەزى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى، ئاتالىق مۇھەممەت ياقۇپ بەگ غازىنىڭ ئىستىلاسى ۋە ھۆكۈمرانلىغى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

ياخشى ئاقىۋەتلىك ئەزىز يارەنلەر، ئاقىۋەتنى خەيرىيەتلىك ۋە مۇھەببەتلىك خالىس يارەنلەر، ئىخلاسلىق خاس بۇرادەرلەرنىڭ دىللىرىغا ئاشكارا ۋە مۇئەييەن بولغايكى، كۇچار دار سەلتەنەتتە گۇيا مۇشتىرى (يۇپىتېر ـ ت) بىلەن ناھىد (ۋېنىرا ـ ت) سەييارىلىرى بىر سىزىقتا ئۇچراشقاندەك، راشىدىن خان خوجام بىلەن ئىسھاق خوجام بىر بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇڭدىشىپ، سەرگۈزەشتلىرىنى ئېيتىشىپ، سوغا ـ سالام ۋە زىياپەت ـ مېھماندارچىلىقلار ئادا قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسھاق خوجام غەلىبە ـ نۇسرەتلىك ۋە ياخشى ئاقىۋەتلىك لەشكەرلىرىنى باشلاپ، مۇرات ـ مەقسەتنىڭ غەلىبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى تاشلىدى، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئىككىنچى يىلى ماھى باراتنىڭ (ھىجرى 8 ـ ئاي ـ ت) ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 1865 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى ـ ت) ئىسھاق خوجام كۇچاردىن يولغا چىقىپ، مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يۈرۈپ، ئاقسۇغا باردى ۋە ئالى دەرىجىلىك، كەڭ ـ كۈشادە خانلىق باققا چۈشتى. لېكىن قامۇلدىن ئىسھاق خوجامنىڭ ئوغلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى كۇچاردا تۇرۇپ قالدى. ئىسھاق خوجام بولسا ئۆزىگە خاس مەھرەم ۋە مۇلازىم، دادخوا ۋە ياساۋۇل باتۇرلىرى بولۇپ جەمئى ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى باشلاپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى ئۇچتۇرپان لەشكەرلىرىنى ھامىددىن خوجام باشلاپ بارىدۇ دېگەن يارلىق چۈشكەن ئىدى. ئىسھاق خوجام ئاقسۇدا ئون كۈنچە تۇرۇپ، نۇر ماشايىخلارنىڭ مازارلىرىنى زىيارەت قىلىپ، غېرىپ ـ بىچارىلەرگە نەزىر ـ چىراق ۋە خەير ـ سەدىقىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ پاتىھە ۋە دۇئالىرىنى ئېلىپ، توختى مۇھەممەت باتۇر، ئىبراھىم باتۇرلارنى باش قىلىپ، ئىككى مىڭ لەشكەرنى بىر كۈن بۇرۇن يولغا سالدى. ئىسھاق خوجام بولسا ئۆزىگە بىۋاستە قاراشلىق مەھرەم، دادخوا ۋە باتۇرلارنىڭ كېيىنىدىن يولغا چىقتى. بۇلارنىڭ دەبدەبىلىرى، قورال ـ ياراقلىرى ھەم سۆلەتلىرىدەك ئەھۋال بۇ موغۇلىستان يۇرتىدىكى ھېچقانداق پادىشادا بولۇپ باقمىغان بولسا كېرەك. بولۇپمۇ سەپنىڭ ئالدىدا ئىككى ئاتلىق لەشكەر لەئلۇجەۋھەر، ئالماس، ياقۇت قاتارلىق قىممەت باھا بويۇملاردىن كۆز قۇيدۇرۇپ ياسالغان قالماقچە كاناينى چېلىپ ماڭغان ئىدى، ئۇنىڭ كېيىنىدىن ئىككى ئاتلىق سۇنايچى، ئالتە ئاتلىق ناغرىچى ماڭغان ئىدى. بۇ ئون ئىككى ئاتلىق كانايچى ۋە سۇنايچىلارنىڭ كاناي، سۇنايلىرى بىر بىرىدىن ئارتۇق بولۇپ، خۇددى لەلۇ ياقۇت ۋە ئۈنچە ـ زۇمرەتتەك پارقىراپ تۇراتتى. بۇ ئون ئىككى ئادەم مىنگەن ئاتلارنى ئون ئىككى پىيادە ئادەم مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يېتىلەپ ماڭغان ئىدى. ئالدىدىكى بىر جۈپ كاناينىڭ ئاۋازى پەس، ئۇنىڭ كېيىنىدىكى بىر جۈپ كاناينىڭ ئاۋازى ـ ساداسى ۋە باشقا كانايلارنىڭ ئاۋازى بىراز پەسلىشى بىلەن، ئارقىدىكى سۇنايلارنىڭ مۇڭلۇق غەزەل ـ مۇقاملىرى، قىلىدىغان زىل ـ بوم جىگەر سۆزلىرى، ”ھوزۇرۇم“ نەغمىسىنىڭ دىلنى ئاچقۇچى بېيىتلىرى بۇ كۆك ئالەم گۈمبىزىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ يۇلتۇزى پەلەككە چىرماشتى.

بۇ چاغدا، ئاتىسنىڭ مېردىگە بوي سۇنماي، ئانىسىنىڭ پەرمانىغا باش ئەگمەي، باغ سەيلىسى ۋە قىزىل گۈل تاماشىسىنى خىيال قىلىپ، ياكى ئاتا ـ ئانىسىدىن خەۋەر ئالماي ياكى خوتۇن، بالىسى بىلەن كارى بولماي، بىھوش ۋە بىخۇتلارچە ئۆزىنى يوقاتقان ئۈچ مىڭ ياكى تۆت مىڭ ياش يىگىت ئۇلارنى ئەگىشىپ ئىككى ـ ئۈچ مەنزىل يەرگە بارغاندا، بەزىلىرى ئۆزىنى توختىتىپ كېيىنگە ياندى. بەزىلىرى ئۆزىنى توختىتالماي، يۇقۇرقىدەك شېرىن خىياللار بىلەن ياركەنتكە ماڭدى. بەزىلىرىنى بولسا ئاتا ـ ئانىسى ياندۇرۇپ كەلدى. بەزىلىرى ئاتا ـ ئانىسىنى مېنىپ بارغان ئاتلىرىنى مىنىپ، قوشۇننىڭ كېيىنىدىن يەتتى. ئىسھاق خوجام ئەنە شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياركەنت تەۋەسىگە باردى ھەم ياراتقۇچى ئاللانىڭ خەيرىخاھلىغى ۋە لۇتپى ئىنايىتى بىلەن ياركەنت شەھىرىگە كىرىپ تەيىنلەنگەن زىننەتلىك، كەڭ بىر ھويلىغا چۈشتى. لېكىن ھامىددىن خوجامدىن ھېچقانداق خەۋەرنىڭ ئەسىرى ياكى لەشكەرلىرىدىن بىرەر نىشان ـ نەمۇنە بولمىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن جامالىددىن خوجام خائىنلىقتىن قاچقان چاغدا، مۇھەممەت ياقۇپ بەگ قۇشبېگى ياركەنتنى بوي سۇندۇرۇپ، كىچىك خان تۆرەمنى ياركەنتكە ھاكىم قىلغان ئىدى. ئىسھاق خوجام ياركەنتكە بېرىشى بىلەنلا، تۇڭگانلار كىچىك خان تۆرەمنى يېڭى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ زادىلا سىرتقا چىقارمىدى، نەتىجىدە ياركەنتنىڭ بىر قىسمىغا خوجاملار، يەنە بىر قىسمىغا تۇڭگانلار ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

ئىسھاق خوجامنىڭ ياركەنتتە ئولتۇرغانلىغىنى قۇشبېگى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ شاخماتۋازلىق ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ، نۇرغۇن قوشۇن بىلەن مارالۋېشىغا كېلىپ، تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، بۇ جاينى بوي سۇندۇردى. ئۇنىڭ شاخماتۋازلىغىنى شۇنىڭدىن كۆرۈش مۇمكىنكى، بىر ئات سەكرەتمەكلىك بىلەنلا مات قىلىپ ئولتۇرۇش ئويۇنىنى ئويناپ، شاھنى بەنت قىلدى، يەنى ئىسھاق خوجام ياركەنتتە سۇلىنىپ قالدى. بۇ چاغدا، قۇشبېگى ياركەنتكە بېرىپ، ھەپتى مۇھەممەدان مازىرىدا چېدىر ـ بارگاھلىرىنى تىكتى. قۇشبېگى شەھەرنىڭ تېشىدا، خوجاملار كونا شەھەردە، تۇڭگانلار بولسا كىچىك خان تۆرەم بىلەن يېڭى شەھەر ئىچىدە تۇراتتى. بۇ ئۈچ تەرەپ بىرنەچچە كۈنگىچە ئۇرۇش قىلماي، بىر بىرىنى ماراپ تىنچ تۇردى. ئاقىۋەت تۇڭگانلار ئىسھاق خوجام بىلەن مەسلىھەتلەشىپ جەڭ ـ جېدەلگە تەييارلاندى. بۇ چاغدا نىياز ئىشگاھى بەگ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، قۇشبېگىگە ”پالانى كېچىسى توققۇز مىڭ تۇڭگانى ۋە ئىككى مىڭ يەرلىك كىشى چىقىپ، كېچىلىك ھۇجۇم قوزغىماقچى، بۇنىڭغا تەدبىر قىلسىلا، بۇنىڭدىن باشقا قولۇم كېلەلمەيدۇ، تامام“ دەپ خەۋەر قىلدى. قۇشبېگى بۇ خەۋەردىن ۋاقىپ بولۇپ، شۇ كېچىسى لەشكەرلىرىنى تۆت تەرەپكە چىقىرىپ، چېدىر ـ بارگاھلىرىنى بوشىتىپ، دىققەت بىلەن قاراپ تۇرسا، تۇڭگانلار توپ ـ زەمبىرەك، قورال ـ ياراقلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، قۇشبېگىنىڭ قوشۇنىغا كېچىلىك ھۇجۇم باشلاپ، بارگاھقا خۇددى پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئاتتى. لېكىن ئۇلار قاراپ باقسا، بۇ يەردە ھېچ ئادەمنىڭ نىشان ياكى ئەسىرى يوق ئىدى. ھەممە چېدىر ـ بارگاھلار بولسا ئۆز جايىدا خالى تۇرۇپتۇ. شۇ پەيتتە قۇشبېگىنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى بالايى ـ ئاپەتتەك چوقان ـ قىيغاس ساداسىنى ياڭرىتىپ، تۆت تەرەپتىن يېتىپ كېلىپ، تۇڭگانلارنى ئارىغا ئېلىپ، چاپ ـ چاپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى نىس ـ نابۇت قىلدى. ئالتە يۈزدىن ئارتۇق تۇڭگانى ۋە سەكسىز يۈزچە مۇسۇلمان جېنىنى جايلىپ ئامان قالدى. قالغانلىرى بولسا غەزەپ ـ قەھرىيەت ۋە تىغ سىياسەت ئاستىدا ھالاك بولۇپ يوقالدى.

ئىسھاق خوجام بىلەن تۇڭگانلارنىڭ جەڭ ـ جېدەلگە مادارى قالمىدى، شۇڭلاشقا، ئۇلار سۇلھى قىلىشتىن باشقا يول تاپالماي، نائىلاجسىزلىقتىن سۇلھى تۈزۈشكە قارار قىلدى. چۈنكى، لەشكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھالاك بولغان ئىدى. تاماخا ئۈچۈن بارغانلارنىڭمۇ كۆپ قىسمى نابۇت بولدى. بۇنىڭدىنمۇ كۆپ قىسمى ئولجا ئەسىرگە چۈشتى. قۇشبېگىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، ئىسھاق خوجام قۇشبېگىنىڭ چېدىرىغا تۈۋەنچىلىك بىلەن يېتىپ بېرىپ سۇلھى تۈزۈشتى. قۇشبېگى كاتتا زىياپەتلەرنى قىلىپ، كۆپ سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى مىرزا ئەھمەت قۇشبېگىنىڭ چېدىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز لەشكەرلىرىدىن ئايرىپ قويدى ھەم ئۇنى يەنە ئالدىغا چاقىرىپ، مېھرىۋانلىق قىلغاندەك بولۇپ، ئىسھاق خوجامنىڭ خاپا بولغانلىغىنى سېزىپ، چاقچاق تەرىقىسىدە ”ئەگەر مۇشۇنداق يول بىلەن بىز ئۆزلىرىنىڭ قولىغا چۈشسەك نېمە قىلار ئىدىلە“ دەپ سورىدى، خوجام ”مۇبادا سىز مېنىڭ قولۇمغا چۈشكەن بولسىڭىز ئىدى، سىزنى ئاتقا تېڭىپ، مەھكەم باغلاپ، كۇچارغا ماڭدۇرار ئىدىم. بۇ كەمگىچە سىز مارالۋېشى ئەتراپىغا يەتكەن بولار ئىدىڭىز“ دەپ جاۋاپ بەردى، بۇ سۆز ئاتالىق غازىغا ناھايىتى ماقۇل چۈشتى. ئۇ خوشال بولۇپ، ”ئەي تۆرەم، راست سۆزنى ئېيتتىلا، ئۆزلىرى بولۇپ كەلگەن بۇ خوجىلار مەرھەمەتلىك ۋە ھەممىگە يول كۆرسەتكۈچى ھەم رىزىق بەرگۈچى ئاللانىڭ لۇتپى ئىنايىتى بىلەن بىردىنلا پادىشالىق تەختى ۋە ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىققان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلاتتىن ـ ئەۋلاتقىچە بولغان ئاتا ـ بوۋىلىرى ئۆز ھاياتىدا، بەلكى بۇ موغۇلىستان شەھەرلىرى ئىچىدىكى ھېچقانداق بىر ئادەم ـ ئىنسان بۇنداق دۆلەت ۋە ئىززەتكە مۇيەسسەر بولمىغان بولسا كېرەك. لېكىن بۇنىڭغا دەل مۇشۇ خوجاملارلا مۇيەسسەر بولالدى. قىتئە:

تەكىيە قىلما ئەي ئەزىزلەر دۆلىتى يىلدامنى،

باش ياڭگىدىن پات ئالۇرلار دۆلىتى ئىقبالنى.

ياتقۇزۇپ جىسمى لەتىپگىنى بۇ تىرەپاك ئۆزە،

يوق ئېتىپ دۆلەت ھەشەمىنى بەس قىلۇرلار نايىتى.

خوجاملارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى نائىشلىرىغا ھەر خىل ھالۋا، مەغىز قەندالات، ھەر خىل مۇراپبا، مەجۇنى شەرۋەت، كېپەلەندۈرگۈچى تائاملار ۋە يۇمشاق پاخلان گۆشىنىڭ كاۋاپلىرى، خۇشاك، تاك بوپا ھەم لەززەتلىك ۋە شېرىن بېجىڭچە تائاملارنى، ھەر تۈرلۈك نازۇ ـ نېئمەتلەرنى يېگەنلىگى، ھۆر ـ پەرىدەك خوتۇن ـ قىزلار ئالدىدا تەييار تۇرغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ رۇنقى ھالەتلىرىنى تامامەن ئۇنتۇدى. بولۇپمۇ ئۇلار ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئىسلام ئېچىپ پادىشالىق تاپتۇق ۋە كەمەس دۆلەتكە ئۇلاندۇق دەپ، ئەتراپىدا پادىشالىق توغ ـ ئەلەملىرىنى كۆتەرگەن پادىشالار بىلەن ياخشى ئۆتۈنمىدى، چىقىشالمىدى، ھەتتا ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىدى. خوجا ھاپىز شىرازىنىڭ (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن!) ”لىسانۇلغايىپ“ (غالىپلارنىڭ سۆزى ـ ت) دېگەن كىتاۋىدا نەقىل كەلتۈرگەن مۇنداق ئىبرەتلىك ماقالىلىرى ناھايىتى قىممەتلىك. ھاپىز:

ئاسايىش دوگىتى تەفسىرى ئىندۇ ھەر پەست،

بادۆستان مۇرىۋۋەت بادۈشمىنان مادارا (167).

خوجاملار ھەممىگە قائىدە بولۇپ قالغان بۇ سۆزلەرنى نەزەرگىمۇ ئالمىدى. ھەتتا ئۆز قېرىنداشلىرى، ئاكا ـ ئۇكىلىرى بىلەن بىر نىيەت ۋە بىر ئىتتىپاقلىق يولىنى تۇتمىدى. بىر بىرىگە رەھىم ـ شەپقەت قىلمىدى. دۇنيادىكى ھەممە ئېھتىياجدىن ھاجەتسىز بولدۇق، دېگەن خىيال ۋە تەشەۋۋۇرلارنى قىلىپ، ناھايىتى تەكەببۇرلىشىپ، ھەر بىر خوجىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدىكى مەغرۇرلۇغى ئىچ ـ ئىچىدىن ئۆرۈلۈپ ”مەندىن باشقا ھېچكىمە يوق“ دېگەن ناغرىسىنى ئالاھىدە ياڭرىتىپ چېلىشقا باشلىدى، خۇددى ”قۇرئان كېرىم“دە ”ئىنسان پۇل ۋە بايلىق بىلەن يامان يولغا كىرىدۇ“ دەپ كۆرسىتىلگەندەك، ئۇلارنىڭ ئەسلى ئىنسانى تەبىئىتىدىكى يوشۇرۇن تەكەببۇرلۇغى ئاشكارا بولۇشقا باشلاندى. نەزىم:

ئۆزىگە سازاۋەردۇر كىبىرىيا ئو مېنى،

كى مۈلكى قەدىمدۇر زاتى غەنى.

دەل مۇشۇنداق بىر چاغدا، مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازى خۇددى ئاللانىڭ قازاسى ۋە ئاسماننىڭ بالىسى كەلگەندەك، مۈشۈك چاشقان كۆتەرگەندەك، قۇرغۇي قۇچقاچ ئالغاندەك ۋە ئېگىز ئۇچقان بۆركۈتتەك بىر شاھانە قىياپەتتە بۇ جايغا قەدەم تەشىرپ قىلدى. خوجاملارنىڭ دۆلىتىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە قوشۇپ خۇددى چاڭ ـ توزاڭدەك توزۇتتى. بۇ رەھىمسىز ئالدامچى پەلەك چاقى تەتۈر چۆگىلەپ، ئۆزىنىڭ قەدىمقى ئادىتىنى يەنە تەكرارلىدى. نەزىم:

بىرىنىڭ بېشىغا تاجۇ ـ تەختىنى قويۇپ،

بىرىنى تاجۇ ـ تەختىدىن ئېلىپ يەرگە ئۇرۇپ.

شۇنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاقىل ۋە دانالار بۇ دۇنيا ئىشلىرىنىڭ دۆلەت ئىقبالىغا ۋە ئولۇغلۇققا يەتكۈزۈشى بىلەن، ئاياق ئاستى قىلىپ تۆۋەنلەشتۈرۈش ئويۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ غەم ۋە خوشاللىغىغا باراۋەر ۋە بىردەك قاراشلىرى لازىم. قىتئە:

قېنى ئول كەسىرائى گۆر خەۋەر نەق،

بۇ ئالەمدىن ئۇچۇپ كەتتى ھاۋالىق.

ئەگەرچە يەخشىلىققا يوق ۋاپائى،

ۋەرەق ئىچىرە سۈخەن باردۇر ۋاپالىق.

ئەلقىسسە، جامالىددىن خوجام چىلان ۋە يايدى قاتارلىق جايلاردا توختى خەلىپە دېگەننى ئىككى يۈز ئەللىك ئەسكەرگە باش قىلىپ قاراۋۇلچى قىلىپ قويغان ئىدى. بىر كېچىسى ئەتىگەندە قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرى كېلىپ بۇ جايلارنى بېسىۋالدى. ئات سۇغارغىلى چىققان بىر يىگىت بۇ ھادىسىنى كۆرۈپ، كېيىنگە قېچىپ جامالىددىن خوجامغا خەۋەر قىلدى. قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرى بولسا قالغانلىرىنى ئولجا ـ ئەسىر قىلىپ قەشقەرگە ئېلىپ ماڭدى. ئاندىن ئۇلار سايرىقنى قونالغۇ قىلىپ ئاقسۇغا ئۆتتى. ئاتالىق غازى چىلان دېگەن جايدىن خوجا نەزەر بەگ دېگەننى باش قىلىپ مۆمىن يۈز بېشى باشلىق ئوتتۇز توققۇز يىگىت بىلەن ئۇچتۇرپانغا بۇيرۇغان ئىكەن. بۇ قۇرۇق ئۈزۈم يولى بىلەن ئاچا تاققا بارغاندا، يولچىلار خەۋەر تېپىپ شەھەرگە خەۋەر قىلىپتۇ. خوجاملار بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ، خوجا نەزەر بەگكە چۈشكۈن قونالغۇ چىقاردى ۋە ئاتالىق غازىنىڭ كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ، مۇبارەكبادلىق قىلىپ، ياقۇپ خوجا ئىشان، مۇھەممەت ئەلى دادخوالار ئارقىلىق غازىغا سوغا ـ سالاملار ۋە ئىناۋەتنامە تەۋەتىپ ئىتائەت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. ئەتىسى خوجا نەزەر بەگ شەھەرنىڭ شىمالىدىكى تۆگمەيېشى دېگەن جايغا چۈشتى. ئىككى يىگىتنى خىتىپ خوجامنىڭ ئالدىغا كىرگۈزۈپ ساڭ، قورال ـ ياراق ۋە غەزىنىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى بەرسۇن، ئۆزلىرى تاۋابىئاتلىرى بىلەن جانابى ئاتالىق غازى بەدۆلەتنىڭ خىزمەتلىرىگە بېرىپ، دۇئا قىلىپ كۆرۈشۈپ يانسۇن، ئاتالىق غازىنىڭ ئالى پەرمانىمۇ مۇشۇنداق ئىدى دېدى.

ھەممىمىزلا شەھەردىن چىقىدىغان بولدۇق. ئاقىۋەت پېشىن ۋاقتىدا دەرۋازا ئالدىغا كەلدۇق. ئۇلار ئىككى خوجامنى، موللا توختى مۇتەسىپنى ۋە مەنىكى بۇ ئەسەرنى يازغۇچىنى بىر مىراخور بىلەن دەرۋازىدىن چىقاردى، قالغانلارنى توساپ قالدى. ”بۇ زاماندا زامان، زامان ئاتالىق غازىنىڭ زامانى“ دەپ جار سېلىپ، توپ ـ زەمبىرەكلەرگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، شادىيانە ناغرا ساداسىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، بىز بەش كىشىنى خوجا نەزەر بېگىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى، بىزگە يىگىرمە بەش ئاتلىق ئادەم قوشۇپ ئاقسۇغا ماڭدۇردى. ياغخى دېگەن قىشلاقتا قونۇپ، ئەتىسى يولغا چىقىپ توشقان دەرياسىغا كەلدۇق. بۇ يەردە مۇھەممەت بابا يۈز بېشى يولۇقتى. بۇنىڭغىچە ئاتالىق غازى ئاقسۇغا كېلىپ، مەزكۇر يۈز بېشىنى ئۇچتۇرپانغا توقسارە قىلىپ خىتىپ خوجامغا مېھرىۋان يارلىق قىلىپ ماڭدۇرغان ئىكەن، يارلىقنى بەردى. يارلىق مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئاتالىق غازى تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلدۇق. توقسارە ئۇچتۇرپانغا كەتتى. بىز ئاقسۇغا قاراپ ماڭدۇق. مەن بۇ يارلىق مەرھەمەتنامىنى كەم ۋە زىيادە قىلماي، تەۋەررۈك ئورنىدا ئۆز ئەينى بىلەن كۆچۈرۈپ، بۇ ۋاراق سەھىپىسىگە ئورناتتىم.

ئالى ئىنايەتنامە يارلىغى:

سىيادەت① پاناھى بۇرھانىددىن خوجا ئىشان زاد ئىززە:

دەئۋات مۇتەۋافقىرە② ۋە تەسىلىمات مۇتەكاسىرە③ ئىبلاغىدىن④ سۆڭرە، خاتىر ـ خەتەر⑤ ۋە زەمىر مۇنىرلارىغە⑥ رەۋشەن ۋە مۇبەيھەن⑦ ئولغايكىم: بۇ ئاۋان⑧ مەيىمەنەت⑨ نىشانىدە ھەزرىتى ھەق سۇبھانەۋە تائالەنى ئەۋنى⑩ ئىنايىتى بىرلى ئىسلام شىرىق ئاچماق ۋە شەرىئەتى غەررا⑪ نەبەۋىيە⑫ قىلىچىنى ”ئەلجەننەتۈ تەھتى زىلالىسسىيۇف“⑬ مەزمۇنى شەرىپىچە چاقماق نىيەت خەيرىيەسى⑭ بىرلى، بەلكى ئابىدانە① تەقدىرى ئىللاھا بىرلى بۇ دىيارىغە نېسىپەمىز تۈشدى ـ ھاسىلۇل كالام. مۇھەررەمە ئەلەيھىمەل سىگىر بەشىدە② ئاقسۇ مەسەندىدە③ نۇزۇل ئىجلال④ كىرگۈزۈپ تۇرغان ۋاقتىمىزدە، كامالى خۇلۇس⑤ يولىدىن ۋە ناھايىتى مۇھەببەت خۇسۇس⑥ يۈزىدىن يەئقۇپ خوجا ئىشان ۋە مۇھەممەت ئەلى دادخوالار قۇلىدىن ئىزھار ئىتائەت ۋە ئىنقىياد⑦ ئەيلەپ ”ئەتتۈ ئۆلۈلەلمەئمىرى“⑧ فەھۋاسى شىرىفىغە ئامىل بولۇپ بىر پارچە رۇقئە ئىرسال⑨ ئەيلىگەن ئىكەنلەر. ياخشى سائەتتە ۋارىسد⑩ ئولۇپ، مەزمۇنى مەپھۇم⑪ بولۇپ، خۇرسەندى ھاسىل ئولدى. تەھاددۈ ۋە تەھاببۇ⑫ مەزمۇنىچە تۆت ئات ۋە بىرنەچچە لىباس ۋە بىر كالامى شىرىق ھەدىيە ئىبەرگەن ئىكەنلەر، بى كەم ـ كاس⑬ كېلىپ تەگدى. مۇندا جامالىددىن خوجە بەئزى ئىشلاردىن ۋەھشەت قىلىپ قاچقان ئىكەن. يىگىتلەر ئالىپ كېلىدى. بەئزى ئۆتكەن ئىشلارىغە تەۋبە قىلدى. بىزمۇ ”ۋەلكازىمىنەلغەيزە ۋەلئافىن ئەنناس“① مەزمۇنىچە جەرائىم ماتەقەددەملارىغە② ئەپۋە قەلەمنى سۈرۈپ مەرفۇئ③ قىلدۇق ۋە سەرپايى مۇناسىپ بېرىپ مەرھەمەت قىلدۇق. ئۆزلەرى بولسالار بۇ تەرەپدىكى سەئىدلىر زۇبدەسى،④ نىبىيەتلىرىمۇ ساپدۇر. ئۆزلەرى ۋە تاۋابىئات (لارىدا) ھەرىزلىك⑤ خۇلق بولسا گۇناھىنى ئەپۋە قىلدۇق. بۇ بارە⑥دىن كۆڭۈللىرىغە بىرنىمە كېلمەسۈن. بىز بولساق ھەممىدىن ئىلگىرى تانىغان، مۇتلەقەن ۋەھشەت ۋە ھەراس⑦ قىلماسۇنلەر. ۋەللەھۈ ئەئلا مانەققەئلۈشەھىد. ۋەسالام. 1284 ـ سىننەت“.

بۇ خەتنى ئېلىپ شۇ كۈنى ئاقسۇغا كەلدۇق. بىزنى كونا ئۆتەڭگە چۈشۈردى. بىر سائەت ئۆتمەيلا ھەمىدەم باتۇر بېشى دېگەن ئادەم نەچچە پەتنۇستا قەنت، ناۋات، پىستە، بادام، مۈيىز قەندالات قاتارلىق نەرسىلەر ئېلىپ كېلىپ دەستۇرخان سالدى ۋە ھايال بولماي بىر چوڭ قازان گۈرۈچ ئاشنى قازىنى بىلەن كۆتۈرۈپ كېلىپ، خوجاملارنىڭ ئالدىدا ئاغزىنى ئېچىپ ئاش تارتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۈچ كۈنگىچە كېمىتمەي داستىخان سېلىپ زىياپەت قىلدى. ئۈتىنچى كۈنى سارايلاردىن تون، نىمچە، قەنت، ناۋاتلارنى لىگەن ـ لىگەنلەپ ئېلىپ چىقىپ ۋە مىنىپ كەلگەن ئاتلىرىمىزنى يېتەلەپ ئېلىپ كېلىپ ئالدىمىزغا ئېلىپ بېرىپ تارتۇق قىلدۇق. ئىككى خوجامنى ئاتالىق غازى ئۆز چېدىرىغا باشلاپ كىرىپ زىياپەت بەردى. بىزنى بارگاھنىڭ ئىچىگە ئولتۇرغۇزۇپ داستىخان سالدى. مۇناسىپ تون ـ كىيىم، سەللە، كۆلا قاتارلىقلارنى مەرھەمەت قىلدى. پەرمان بويىچە ئاقسۇ شەھىرىنى ئايلاندۇق. پەتىھ قىلىدىغان يەرلەرگە بېرىپ پەتىھ قىلىپ، ئۆز جايىمىزغا كېلىپ ئارام ئالدۇق.

بۇ كۈنلەردە كۇچار تېخى پەتىھ بولمىغان ئىدى، راشىدىن خان خوجام كۇچاردىن ئىبراھىم باھادۇر، يۈسۈپ باھادۇر، تەلەي باھادۇر، ياقۇپ باھادۇرلارنى تۆت مىڭ لەشكەرگە باش قىلىپ، قۇشبېگىگە قارشى ئۇرۇشقا چىقارغان ئىكەن. بۇلار ياقا ئېرىق تەۋەسىگە كېلىپ، چۇغا دېگەن جايغا چۈشۈپ، يولنى توساپ، سۇ بەرمەي، كۆپ ئۇرۇش قىلىپ، قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرىنى قىستاپ قوشتام، ياقا ئېرىق ۋە چۇغا قاتارلىق جايلاردا كۆپ زىيان ـ زەخمەتكە سېلىپ، ناھايىتى باتۇرلۇق قىلىپ غەلىبە قازاندى. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ مەھەلسىز باتۇرلۇغى ھېساپقا كىرمىدى؛ ئاقىۋەت قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرى غەلىبە قىلىپ، ئۇلارنى تىغ سىياسىتىدىن ئۆتكۈزدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن لۇكچۈنلۈكلەرنىڭ كونا ئاداۋىتى قوزغىلىپ، بىرمۇنچە تۇڭگانىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ، تۇرپاندىكى ئايدىن خوجامنى لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ ھەيدەپ چىقىرىپ، تۇرپاننى ئۆزى سۇراپ، كۇچار تەرەپكە قەدەم قويۇپ بۈگۈرگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا خان خوجام ئىسھاق خوجامنى كورلىغا ئالاھىدە ھاكىم قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى، ئىسھاق خوجام يېتىپ بېرىپ غەلىبە قىلىپ تۇرغان پەيىتتە، خان خوجام ئۇنىڭ كېيىنىدىن ھامىددىن خوجامنى ھىمايە ئۈچۈن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزرە ـ خالىق سۇراپ، كۆپ ئىلتىپاتلارنى قىلىپ، تۆت مىڭ لەشكەر، توپخانا، قورال ـ ياراق، ئەلەم، توغ، بايراقلار بىلەن تۇڭگانلارغا قارشى ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىدى. ئىسھاق خوجام، ھامىددىن خوجاملار تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى قوغلاپ قارا شەھەردىن ئۆتكۈزۈپ تۇرغان كۈنلەردە، قۇشبېگىنىڭ ئاقسۇغا كەلگەنلىگى توغرىسىدىكى دەھشەتلىك خەۋەر ئاڭلاندى. خان خوجام ھامىددىن خوجامنى قارا شەھەردىن قايتۇرۇپ كېلىپ، يەنە ئۆزرە ـ خالىقنى قويۇپ، كىيىم ـ كېچەك، پۇل ـ تىللا قاتارلىق ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى چەكتىن ئاشۇرۇپ قىلىپ، لەشكەرلىرى بىلەن قۇشبېگىگە قارشى ئۇرۇشقا ماڭدۇردى. بۇ كۇچاردىن چىقىپ بايغا كېلىپ، بىھۇزۇر بىر ئوت ـ چۆپلۈك يايلاقنى جاي ـ ماكان قىلىپ، لەشكەرلىرى بىلەن كارى بولماي ”ئىختىيار ئۆزۈڭلەردە“ دەپ جاۋاپ بېرىپ، سۈرەت ـ ۋەقەنى قۇشبېگىگە مەلۇم قىلىپ ئەرز ئەۋەتتى. بۇ خەت جانابى ئاتالىق غازى ياقا ئېرىققا كەلگەن چاغدا تەگدى. قۇشبېگى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا ”ھامىددىن تۆرە دەرھال يېتىپ كەلسۇن، بىز تاقەتسىز كۈتىمىز“ دەپ مەھرەم ماڭدۇردى، ھامىددىن تۆرەم يېتىپ بېرىپ كۆرۈشتى. تەبرىك ـ مۇبارەكلىشىشلەر ئۆتكەندىن كېيىن، قۇشبېگى ”ئەي تۆرەم! يەنە بىز بىلەن ئۇرۇشىدىغان ئادەم بارمۇ“ دەپ سۇرىغاندا، ھامىددىن تۆرەم ”جانابىڭىز بىلەن ئۇرۇشىدىغان مەن ئىدىم، خىزمىتىڭىزگە كەلدىم، ئەمدى ئۇرۇشىدىغان ئادەم يوق، دېمەك، كۇچارمۇ قول ئاستىڭىزغا ئۆتتى دېگەن سۆز. مۇبارەك بولسۇن“ دەپ جاۋاپ بەردى. قۇشبېگى ناھايىتى خوش بولۇپ، ”بىر نان تاپساق تەڭ ـ باراۋەر ئوتتۇرىدا بولسۇن“ دەپ نەچچە قەۋەت كىيىم ـ كېچەكنى ئىنئام ۋە ئېھسان قىلىپ، ”بىز كۇچارغا بارغىچە، ئۆزلىرى قەشقەردە دۇئا قىلىپ تۇرسىلا“ دەپ قەشقەرگە يولغا سالدى. ھامىددىن خوجام ئاتالىق غازى دۆلەت سۇرىغان زاماندا، بىرنەچچە مۇددەت ئۇنىڭ تۈرلۈك قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كىيىم ـ كېچەكلەر بىلەن ئەڭ ئالى دەرىجىلىك قاتاردا تەمىنلىنىپ، بۇلار بىلەن ئوخشاش تەمىنلەندى.

قۇشبېگى ياقا ئېرىقتىن ئاتلىنىپ چىقىپ، مەنزىلمۇ ـ مەنزىل يۈرۈپ كۇچارغا كەلدى. بىر قانچە يىگىت كىرىپ راشىدىن خان خوجامنى ئېلىپ چىقتى، خان خوجام بىر تەرەپتىن بىرنەچچە ئېغىز تەنە ۋە ئاچچىق سۆز قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تون ـ كىيىملەرنى بەرگەن بولۇپ، بۇلارنى ئوردىسىغا باشلاپ كىردى. بىراق خان خوجام بىردىنلا قىلىچ ئېلىپ، ئاتالىق غازىنىڭ بىر مەھرىمىنى چاپتى ۋە قولىغا قورال ئېلىپ سېپىلنىڭ ئۈستىگە يۈگۈرۈپ چىقىپ، ”مېنىڭ باتۇرلىرىم قاياققا كەتكەن، بۇ قىپچاق، ئەنجانلىقلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ شەھەردىن ھەيدەپ چىقارمامسىلەر!“ دەپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋاقىراپ تۇرغان پەيىتتە، ئاتالىق غازىدىن كىشى كېلىپ، خان خوجامنى تۇتۇپ باغلاپ بارگاھقا ئېلىپ باردى. راشىدىن خان خوجام بولسا ئۆزىنىڭ خاتا خاھىشلىرى بويىچە شەرىئەتكە خىلاپ بىر قانچە يامان ئىشنى ئۆزىگە ۋە لەشكەرلىرىگە لازىم ۋە راۋا دەپ بىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىرى بولسا، خان خوجام ئۆزىنى ۋە ھەممە مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلاش ئۈچۈن، ئۆزىگە خاس مەھرەم، يىگىت، سەربازلىرىنىڭ كېچىلەردە ئۇخلىماي قىمار ئويناپ سەگەك تۇرۇش ۋە شۇنداق يوللار ئارقىلىق شەھەرگە پاسبانلىق قىلىش دېگەن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەرىئەتكە تامامەن خىلاپ بولغان بۇ خىل يامان ئىشلارغا يول قويدى ۋە رۇخسەت قىلدى. ھەتتا قىمارۋازلارغا غەزىنىدىن پۇل ئاجرىتىپ قىمار ئوينىتىپ، بۇ ئىشلارنىڭ راۋاجلىنىشىغا كۈچ قىلدى. شۇڭلاشقا شەرىئەت پانا جانابى ئاتالىق غازى شەرىئەت ئالىملىرىدىن ”قۇرئانى كېرىم“ ۋە ”ھەدىس شېرىپ“تە قاتتىق چەكلەنگەن بۇنداق بشەرىئەت ئىشلارغا مەمىلىكەتكە ئۇلۇغ بولغان ئادەملەر ئۆزى خىلاپلىق قىلسا ۋە ئۇنى چەكلىمەي راۋاجلاندۇرسا، نازۈك شەرىئەت قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ“ دەپ سۇراپ، ئۇلاردىن پەتۋا ئېلىپ، پەتۋانىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، خان خوجامنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ گۇنالىرىنى ئۆز بوينىغا ئارتىپ يوق قىلدى. خان خوجامنىڭ نېمە بولغىنىنى ۋە قايسى جايغا دەپنە قىلىنغانلىغىنى كىشى كۆرمىدى ۋە بىلمىدى. بۇ ۋەقە تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچىنچى يىلى ماھى سەپەر مۇزەپپەرنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى (مىلادى 1867 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى ـ ت) يۈز بەردى. خان خوجام بولسا ئاتمىش ياشقا يېقىنلاشقان، سېرىق چىراي، بۇغداي ئۆڭلۈك، ئوتتۇرا بوي، كۆزلىرى چوڭ، چىشلىرى كۈشادە، بېشى يوغان ۋە يەنى دوقسى چوڭ كىشى ئىدى. ئۇنىڭ بىر ئىنىسى پەخىرىددىن خوجا شەرىئەت ئەھكاملىرىغا بوي سۇنماي، قازى، مۇپتىلارنى ھەتتا ئۇلۇغ شەرىئەتنى ھاقارەتلەپ، كۆزگە ئىلمايدىغان بىر ئادەم ئىدى. يەنە بىر ئىنىسى جالالىددىن خوجا بولسا، ئۆز ئىسېرىگە شىددەت ساقلىغان ۋە تېخى ئۇنىڭ ئەمىر ئىتائىتىدىن چىقمىغان بىر خوتۇننى ئۆز ئەمرىگە قەدەمگە ئالغان ئىكەن. ئاتالىق غازى ”ئۆلىمالارنىڭ ھۆكۈمى ئاللا ۋە ھەممىنى رازى قىلالايدۇ ـ ت“ دېگەن پەتۋا ھۆكۈمى ۋە ئۇلۇغ ئۆلىمالارنىڭ پەتۋاسى بويىچە، بۇ پەتۋا مەزمۇنىنى خوجاملارغا ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئاممىغا ئىبرەت قىلىپ ئۆلتۈردى. جامالىددىن خوجىنى ياركەنتتە يوق قىلدى. شەيخ خوجا، باھاۋىددىن خوجا ۋە ئىبراھىم تۆرەلەرنىمۇ تىغ سىياسىتىدىن ئۆتكۈزدى. خىتىپ خوجام ۋە ئوغلى مەھمۇددىن خوجاملارنى قەشقەرگە ئېلىپ بېرىپ، مەھمۇت خوجا ھەزرىتىمگە تاپشۇردى. بۇلار ھەزرەتنىڭ ئاشخانىسىدىن ئاش ـ تاماق يەپ، تون، كىيىم ـ كېچەكلىرىنى كىيىپ، ئون بىر يىلنى ئۆتكۈزدى. بېجىن ئەھلى بۇ جايلارغا ئىككىنچى قېتىم ئىگە بولغاندا، بۇلارمۇ ئاتا يۇرتلىرىغا قايتىپ، قەۋمى ـ قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق ـ قاياشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆمۈر ئۆتكۈزدى.

بۈگۈنكى كۈندە ئىسھاق خوجام، ھامىددىن خوجام، مەھمۇددىن خوجاملار ئەنە شۇ جايدا خاتىرجەم ھايات كەچۈرمەكتە.

راشىدىن خان خوجام شۇنداق قىلىپ تولۇق ئۈچ يىل ۋە بىر ئاي يەنى ئوتتۇز يەتتە ئاي پادىشالىق قىلىپ، شەرققەي ھۇدۇدى قامۇل، بالەكۆلگىچە، شىمالىي ھۇدۇدى قالماقستانغىچە (169)، غەربىي ھۇدۇدى ياركەنت، مارالۋېشى، جەنۇبىي ھۇدۇدى لوپ، چەرچەنگىچە بولغان جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇلار بولۇپمۇ بېجىن كاپىرلىرىنى ھەددېدىن زىيادە ھالاكەتكە يەتكۈزدى. بۇ شەھەرلەردىكى غەزىنە ـ مۈلۈك، قورال ـ ياراقلارغا ئىگە بولدى، ناھايىتى كۆپ غەزىنە توپلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىنىڭ قولىغا چۈشتى، ئۇلار شۇنچىلىك دۆلەت ھۆكۈمەتكە ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن مال ـ مۈلۈك توپلىغان چاغلاردا، يا ئۆزىنىڭ بىرەر ئۇرۇق ـ قاياشلىرىغا رەھىم ۋە شەپقەت قىلىپ باقمىدى، يا بىرەر دۇئاگۈي، ئەھلى پەزىل ۋە ھۈنەرۋەنلەرگە كۆڭرى ئىنئام ۋە ئېھسان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياغا بولغان ئېھتىياجىدىن چىقمىدى، يا بىرەر دەريا-ئۆستەڭگە كۆۋرۈك سالدۇرۇپ ياخشىلىق قىلمىدى، يا مەسچىت، خانىقا بىنا قىلىپ، كۆل، قۇدۇقلارنى كولىتىپ، ۋەقپە ئەشيالارنى توختاتمىدى. ھەتتا ئۆزلىرى ئولتۇرىدىغان بىر-ئىككى ئېغىزلىق مېھمانخانا تەييارلىمىدى، ياكى ئاتا-ئانا قەۋرىلىرىنى يېڭىۋاشتىن ئىسلاھ قىلىپ، بىرەر نەمۇنە ئەسەر قالدۇرماي، نام-نىشانسىز كەتتى. ئۇلاردىن ھېچبىر نەمۇنە يادىكار ياكى ياخشى ئىش باقى قالمىدى. بىراق، ئىلگىرى يۇرت سورىغان ھاكىم، ئەمىرا ۋە بەگلەر، ھەتتا باي سودىگەرلەرمۇ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، بۇ پانى ئالەمگە بىرەر يادىكار ۋە نەمۇنە قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆز يېنىدىن پۇل، كۈمۈش سەرپ قىلىپ، مەسچىت، مەدرىسىلەرنى بىنا قىلىپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا خىتاي، ئۇرۇس، پەرەڭ قاتارلىق مۇشرىكلەرمۇ مۇسۇلمانلار قىلمىغان مەسچىت، مەدرىسە، كۆۋرۈكلەرنى بىنا قىلدۇرۇپ، مازارلارنى تۈزىتىپ، نامىم قالسۇن دېگەن ئۈمىت بىلەن كۈمۈش، ئاقچىلارنى سەرپ قىلىپ كەلگەن ئىكەن.

لېكىن، شۇنداق ئۇلۇغ مەرتىۋىگە ئېرىشكەن خان خوجامنىڭ بىرەر نەمۇنە يادىكار قويمايدىغانلىقىنى قانداق يول بىلەن ۋە قانداق ئەيىپكە بۇيرۇساقمۇ توغرا بولىدۇ. مۇسۇلمانلارغا لەنەت ئوقۇش ياخشى ئەمەس. بىراق، بۇ قىلغانلىرىغا لەنەت قىلساق ئەيىپ ئەمەس. بۇ لەنەت ئىسھاق خوجابىنى سارىمساق خوجا باشلىق خوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ خىش-ئەقرىبالىرى، ئەھلى ئايماقلىرىغىمۇ مەنسۇپ. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىلا پادىشاھلىق قائىدە-قانۇنلىرىنىڭ ئىلمىي ھېكمەتلىرىنى ۋە ئەمەلىيەتلىرىنى بىلەلمىدى ۋە قىلالمىدى. ئۇلار ھەرقانداق ئىشنى قەدىمقى پادىشاھلارنىڭ ئەمەل-دەستۇرلىرى ياكى ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ رېئايىلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىرادىسى بويىچە قىلدى، شۇڭلاشقا، ئۇلار نامسىز ۋە نىشانسىز كەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى راھەت-پاراغەت كۆرەلمىدى، ياكى پۇقرالارغا ئاراملىق بولمىدى، ئۇلار دۆلەت سۈرگەن يىللاردا ھەممە پۇقراغا تەڭلىك ۋە تارلىق يۈز كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ھېچبىر ئادەم ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنى سېغىنىپ ياكى ئارزۇ-ئىشتىياق قىلىپ، ”ياخشى“ دەپ ئاتىمىدى. بۇلاردىن بارلىق ئۇرۇق-قاياشلىرى، قەۋمى-قېرىنداشلىرى ۋە يۇرت ئەھلىمۇ نارازى بولدى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.