تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

ئابدۇقادىر داموللام

ئابدۇقادىر داموللام

(»100 مەشھۇر ئۇيغۇر« ناملىق كىتابتىن)

ئابدۇقادىر داموللام، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن ۋەتەنپەرۋەر، مەشھۇر ئىسلام ئالىمى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇستەملىكتىن ئىبارەت ئەجەللىك قىسمەتنىڭ خەتىرىنى تۇنجى بولۇپ پەرق ئەتكەن. ئۆزىدە دۆلەتچىلىك ئېڭى ۋە ئىدىيەسىنى مۇجەسسەملىگەن، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇنتۇلماس سىماسى، ئابدۇقادىر داموللام 1870-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كېنتىدە ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تولۇق ئىسمى: ئابدۇقادىر داموللام بىننى ئابدۇلۋارىس قەشقەرىي، يەنى ئەزىزىي بولۇپ، تۈركچە ئابدۇقادىر داموللا دەپ يېزىلىدۇ. ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەشھەدتتىكى ھەزرىتى سۇلتانىيە مەدرىسىدە ئالغان. 15 يېشىدا قەشقەردىكى ئالىي ئىلىم يۇرتى بولغان خانلىق مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، شەيخۇل ئۆلىما موللا ئىسلام داموللامدا ئوقۇغان.

ئۇ، ئاتۇش ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىلىرىدە ئىگىلىگەن بىلىملىرىگە قانائەت قىلماي، يېشى 20 لەرگە ئۇلانغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئىلىم ئېلىش ئارزۇسى بىلەن بۇخاراغا سەپەر قىلغان. ئەينى يىللاردا بۇخارادا ئوقۇش ئەللامە بولۇشنىڭ يولى ئىدى. چۈنكى 15-ئەسىردىن كېيىنكى بۇخارا ئىسلام دىنىي ئىلىمى بويىچە نۇپۇزلۇق ئالىملار ۋە مەشھۇر مەدرىسىلەر توپلانغان جاي ئىدى.

ئابدۇقادىر داموللام بۇخاراغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ئابدۇلئەزىزخان مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ بۇخارادا مەۋلانا ئابدۇرراززاقى، بۇخارا مۇپتىسى ئەۋەز خوجەندى، قوقاننىڭ شەيخۇلئىسلامى داموللا ئۇلۇغخان تۆرەملەردىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىلمى كالام، فىقھى، تەپسىر، تارىخ، ئەدەبىيات، پارس تىلى، تۈرك تىلى، ئەرەب تىلى، ئوردۇ تىلى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك پەنلەر بويىچە دەرس ئالغان.

لېكىن، كېيىنكى چاغلاردا بۇخارادىكى ئىسلام مائارىپى چېكىنىپ، ئىلغارلىق ۋە تەرەققىياتنى جاھالەت بىلەن چەتكە قاقىدىغان ئىدىيەنى تارقىتىش بىلەن تونۇلغان. ئابدۇقادىر داموللام مۇنداق قالاق مائارىپنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى 1916-يىلى «شۇرا» ژۇرنىلىغا يازغان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلغان:

«ساپ ۋىجدانىمنىڭ ۋە بەزى ھەقىقەتچى زاتلارنىڭ سۆز-سۆھبىتى ھەم يول كۆرسىتىشلىرى بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ئىلمىم، خۇراپاتلىق ۋە گۇمانخورلۇق زۇلۇمىدىن، شۇنداقلا مەنتىق، كالام، پەلسەپە كىتابلىرىنىڭ شەرھى-ھاشىيەلىرى، قاتمۇ-قات ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپسەتىلىرىدىن ھاسىل بولغان خۇراپات زەنجىر كىشەنلىرىدىن ئەقىل-پىكرىمنى ئازاد قىلدى.»

ئابدۇقادىر داموللام بۇخارادىكى يىللىرىدا ئىسلام دۇنياسىدىكى بۈيۈك ئالىملاردىن ئىبنى تەيمىييە، ئىبنى قەييۇم جەۋزى، جامالىدىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇھەممەد ئابدۇ قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىجتىھات بىلەن ئوقۇغان ھەم چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. ئابدۇقادىر داموللام بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. تۇنجى نىكاھى كۆڭلىدىكىدەك بولماي، ئىككىنچى قېتىم نائىلە ئىسىملىك قىزنى ئەمرىگە ئالغان.

1899-يىلى تۇنجى پەرزەنتى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم دۇنياغا كەلگەن. بۇ ۋاقىتتا ياۋروپا ئەللىرىدە مائارىپ، مەرىپەتچىلىك ئىشلىرى تازا يۈكسىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە جاھالەت ۋە نادانلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى. ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل مۇددەرىسلىك قىلغان. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ، جۈملىدىن قەشقەرنىڭ ئۆزى ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالى بىلەن، بۇ بىر قانچە يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ئۆز كۆڭلىدە سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن.

ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، 1906-يىلى يەنە ھىجرەت قىلىپ ھەج سەپىرىگە ماڭغان. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى كۈزەتكەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى دۇنيا تەرەققىياتىغا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدا ئىككى ئاي تۇرۇپ مىسىرغا بارغان. ئۆزىنىڭ يېزىشىچە، مىسىردا داڭلىق مۇتەپەككۇر شەيخ رەشىد رىزا، «ئەللىۋا» گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال پاشا قاتارلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئۇ مىسىردا ئىككى ئاي تۇرۇپ، ئاندىن ۋەتىنىگە قايتقان. ئۇ بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا خەلققە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: «رۇس ۋە فەرەڭلەردە بولغان ئەجايىپ ئىقتىدارلارنىڭ بارچىسى پايدىلىق ئىلىملەر تەلىم ئېتىلمەك سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەندۇر. ئۈستىمىزدىكى كۆڭلەكلەرىمىز، ئاستىمىزدىكى كۆرپەلەرىمىز، چانايۇ-ھارۋالارىمىز ھەتتاكى سىياھۇ-قەغەزلەرىمىز، قىسقىسى يالىڭاچ تېنىمىزدىن باشقا نېمىمىز بار بولسا، بارچىسى شۇلار قولىدىن ئىشلىنىپ چىققانلىقى، ئۇلاردا تەربىيە دۇرۇس بولۇپ، بىزدىلەردە دۇرۇس بولمىغىنى ئۈچۈندۇر.»

ئۇنىڭ ياشلارغا خاس قىزغىن ھېسسىيات بىلەن قىلغان مۇنداق نۇتۇقلىرى قەشقەردىكى ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. قەشقەر ئۆلىمالىرى «ئىسلاھات» دېگەن ئاتالغۇغا بۇخارا مەدرىسىلىرىگە ئوخشاشلا سوغۇق قاراپ، ئابدۇقادىر داموللامنى چەتكە قېقىپ يېتىم قالدۇرغان. نەتىجىدە، ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە تۇرالماي، 1909-يىلى يەنە قوقان، تاشكەنت، بۇخارا تەرەپلەرگە يول ئالغان.

ئابدۇقادىر داموللام بۇ سەپىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلاھاتچىلىرىنىڭ جەدىتچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشقانچە، «جەۋاھىرۇل ھەيقان»، «مىفتاھۇل ئەدەب»، «ئەدەبىيات ئاچقۇچى» ناملىق كىتابلارنى يازغان. «مىفتاھۇل ئەدەب»، 1910-يىلى سىراجىدىن مەختۇمنىڭ كۆچۈرگەن قوليازمىسىغا ئاساسەن تاشكەنتتىكى غۇلامىيە مەتبەئەسىدە بېسىلغان. شۇ جەرياندا ئابدۇقادىر داموللام يەنە تاشكەنتلىك مۇرات خوجا پارىسچىدىن تەرجىمە قىلغان «تۈركىي گۈلىستان» ناملىق كىتابىغا تەلىپ بىلەن شېئىرىي تەقرىز يازغان.

ئابدۇقادىر داموللام يەنە 120 كۇپلېتلىق «مۇخەممەس» ناملىق ئەسىرىنى يازغان. ئابدۇقادىر داموللام بۇ ئەسىرىدە جەمئىيەت، ئېتىقاد، ئەخلاق، مائارىپ ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرى ۋە تەنقىدىي قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. مەزمۇنى چوڭقۇر، تىلى گۈزەل بۇ ئەسەر 1910-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا يېگانە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇقادىر داموللام پىكرى ئۆتكۈر، بىلىمى مول، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۈستۈن، ئارزۇسى كۈچلۈك كىشى بولۇش سۈپىتىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلاھاتچىلىرى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن. ئۆزىنىڭ ئىسلاھات نىيىتى، جەدىتچى مەكتەپلەرنى ئېچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «بىدايەتۇس سەرف»، «ھىدايەتۇن نەھۋى»، «تەسھىلۇل ھېساب» قاتارلىق دەرسلەرنى تۈزۈپ، قەشقەرلىك تەرەققىيپەرۋەر سودىگەرلەردىن نۇرۇززادە ھاجى مۇھەممەد ئەلى، ئابدۇرېھىم ئاخۇن، مەھمۇت ئاخۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قازان شەھىرىدىكى «مىللەت مەتبەئەسى»گە بېسىپ بېرىش ھەم قەشقەرگە ئەۋەتىپ بېرىشكە تاپشۇرۇپ بەرگەن.

ئۇ تاشكەنتتىكى مەزگىلىدە تۈزگەن «مىفتاھۇل ئەدەب» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، سەمىمىلىك بىلەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئىقتىدارلىق كىشىلىرىگە: «ئىلگىرى ياخشى ئالىملارنىڭ يولىدا مېڭىپ، مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ئالىي مائارىپنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقايلار!» دەپ مۇراجىئەت قىلغان. بۇ كىتابلاردىن بىز ئابدۇقادىر داموللامنىڭ نۇپۇزىنىڭ كۈچىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئابرويلۇق ئۆلىمالار ۋە جەدىتچىلەردىن بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

ئەمما، ئۇنىڭ تۈپ غايىسى مەنچىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىسى ئاستىدىكى ئانا ۋەتىنى ۋە خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام 1911-يىلى ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجا شەھىرىگە كەلگەن. غۇلجا، تەرەققىيات ۋە يېڭىچە مائارىپنى يولغا قويۇش جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئالدىدا كېتىۋاتقان شەھەر ئىدى. بۇ يىللاردا غۇلجىدا ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار، يەنى ھۈسەنباي (1844-تىن 1926)، ئىنىسى باھاۋۇدۇنباي (1851-دىن 1928-گىچە) ئاچقان يېڭىچە مەكتەپلەر دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام غۇلجىدا داڭلىق ئۆلىما، ئابدۇمۇتەئالى خەلىپە بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭغا دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش، ئوقۇتۇلۇۋاتقان دەرسلەرگە بىر قىسىم پەننىي دەرسلەرنى كىرگۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئۇسۇلى جەدىد»، «ئۇسۇلى سەۋتىيە»نىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى «ئۇسۇلى قەدىم»دىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.

ئابدۇمۇتەئالى خەلىپە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ پىكرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرگەن. ئۇ يىللاردا، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا يېڭى مائارىپتىن سۆز ئېچىش قىيىن ئىدى. ئوقۇتۇش، ئوقۇش ئۇسۇلى تامامەن كوناچە بولۇپ، ئوقۇتۇشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت زىيادە كۆپ ئىدى. مەدرىسىلەردە نۇرىدىن ئابدۇرراخمان جامىينىڭ ئەرەب تىلى نەھۋىيگە ئائىت «كافىيە»نىڭ ئىزاھى بولغان «شەرھىي موللا» كىتابىنى ئوقۇش ئۈچۈنلا 5 يىل ۋاقىت كېتەتتى. مۇقەددىماتى مەنتىقە، مەۋھۇمە يۇنانيە، دېگەن دەرسلەر كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى. سەرف، مۇئىززى، زەنجانى، ئەۋامىل قاتارلىق گىرامماتىكا كىتابلىرىنى 5-6 يىللاپ ئوقۇتاتتى. دەرسلەرنىڭ ئىچىدە ساپ ئەقىدىگە ياتىدىغان بىلىملەرگە سەل قارىلىپ، تەسەۋۋۇپ نامايەندىلىرىنىڭ كىتابلىرى كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى. شۇڭا، گەپنى ھە دېسىلا ھاپىز بىلەن مەۋلىۋى جامائىتىنىڭ ئەسەرلىرىدىن باشلايدىغان ھەر خىل لەتىپە ۋە ئەبۇ مۇسلىم قاتارلىقلارنىڭ جەڭ قىسسەلىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مەلۇماتى مول، بىلىملىك ئادەم سانىلاتتى.

1912-يىلى ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىشنى ئالدى بىلەن مائارىپتىن باشلىغان. ئۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈستۈن ئىلمىي ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئىجابىي ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. قەشقەرنىڭ شۆھرىتى گەرچە تارىختا ئىلىم-مەرىپەت سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇر شەھەر بولسىمۇ، كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە گويا كۆز تەگكەندەك، جاھالەتكە قالغان شەھەرلەر قاتارىدا سانىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. گەرچە مەشھۇر مەدرىسىلەر ۋە دىنىي ئالىملار كۆپ بولسىمۇ، سوپى-ئىشانلارنىڭ تەسىر كۈچىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك ئىدى.

مۇنداق مۇھىتتا يېشى ئەمدىلەتىن 40 تىن ھالقىغان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. قەشقەردىكى ئۆلىما ئىشانلارنىڭ مۇتلەق كۆپى ناماز ئوقۇش، ئىبادەت قىلىشتىن باشقىنى ئارتۇقچە ھەم ئېتىقادقا مۇخالىپ، يەنى بىدئەت دەپ قارايدىغان، دۇنيادىن بىخەۋەر، نەزەر دائىرىسى تار كىشىلەر ئىدى. تاتار زىيالىيسى نۇشىراۋان ياۋۇشېۋ سەياھەت خاتىرىسىدە شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازغان:

«تارىختا ئىلىم-مەرىپەت نۇرى بىلەن يەر-كۆك ئارىسىنى نۇرغا چۆمۈلدۈرگەن بۇ شەھەر، شۇ يىللاردا مەدەنىيەت قۇياشىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ھالەتتە، جانسىز ۋە ھەرىكەتسىز ئۆلۈك شەھەرگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ يەرنىڭ خەلقىدە مىللىي ئاڭ، مىللىي تۇيغۇ يوق. بۇ يەردىكى مەكتەپلەردە باشتىن-ئاياغچە پارسچە، ئەرەبچە كىتابلار، پارس ۋە ئەرەب ئەدەبىياتىلا ئوقۇتۇلىدۇ. بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى خۇراپىي بايانلار بىلەن تولغان. شۇنداقلىقىدىن، ئەۋلاتلارغا مىللىي ھېسسىيات پۈتۈنلەي يوقالغان ھالەتتە ساقال چىقىدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا، ئابدۇقادىر داموللام ئۆز خەلقىگە قانداق قىلغاندا ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن توغرا يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زامانغا ئۇيغۇن يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى، تەسەۋۋۇرلىغۇسىز نادانلىق، خار-زەبۇنلۇق ئىچىدە قايمۇقۇپ قالغان خەلقنى ئويغىتىش ئىمكانىيەتلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇمىي ئىسلاھات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. تاجاۋۇزچى، ئىشغالچى مەنچىڭ خىتايلىرىدىن ئەزىز ۋەتىنىنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئىمكانلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرغان.»

بۈگۈن زىيالىيلار ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە «دېموكراتىك ئىسلاھاتچى» دېگەن تەنتەنىلىك ئاتاقنى قوللىنىۋاتىدۇ. بىز بۇنى خاتا دىيەلمەيمىز، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئاتاق ئۈچۈن بەخش ئەتكەن مەزمۇن يېتەرسىز. بۇ مەزمۇن پەقەت مائارىپ ئىسلاھاتى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىدىكى ئىسلاھات دېيىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ. بۇ يەردىكى ئەسلى ئىلھام مەنبەسى ئابدۇقادىر داموللادىكى دۆلەتچىلىك ئېڭىدۇر. بىزنىڭ پەننىي ۋە دىنىي زىيالىيلىرىمىز بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ نۇقتىنى كۆزدىن قاچۇرۇپ كەلدى، ياكى بولمىسا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىدى. گەپنىڭ تومتاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن تارىخنى سەل باشتىن بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

14-ئەسىردىن ئېتىبارەن يېڭى دېڭىز يوللىرىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە دۆلەت چېگرىلىرىنىڭ يېڭىدىن بەلگىلىنىشى سەۋەبلىك، يىپەك يولىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. 18-ئەسىرگە كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسەن ئۈزۈلدى. 20-ئەسىرگە كەلگەندە دۇنيا خەلقى دۇنيادا ئۇيغۇر ئىسىملىك بىر مىللەتنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز قالدى. 1878-يىلى مەنچىڭ خىتايلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، مەنچىڭ خىتايلىرىنىڭ باشلىقى زوزۇڭتاڭ بۇ مۇستەملىكىنى باشقۇرۇشتا بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ئۇسۇللارنى ئويلاپ تېپىشقا باشلىدى.

ئەسلىدە ئىلگىرىكى ئىستېلالارغا خاس چوڭلۇق مەنمەنلىكىدە بولغان ۋە ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۆزىگە قوشۇۋېلىش خىيالىمۇ ئىككى تايىن ئىستېلا بولغان بولسا، بۇ قېتىمقىسى بۇ زېمىننى مەڭگۈلۈك مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ يۇقىرى قاتلام خان جەمەتى، دۆلەت ئەركانلىرى، ھەربىي ئەمەلدار، يۇرت مۆتىۋەرلىرى قاتارلىق كىشىلەر ۋە بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك قىرغىن قىلىشقا ياكى خىتايچە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ ئۆزىنىڭ غالچىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولغان. نۇپۇزلۇقلارغا جىددىي قارىغان. بىلىملىكلەرنى كۆزدىن قاچۇرمىغان. بۇ ئەلدە بىر يولباشچىنىڭ مەيدانغا كېلىپ، يەنە خىتاي مۇستەملىكىچىسىدىن قۇتۇلۇپ كېتىشكە يول قويماسلىق ئۈچۈن، بىر داھىينىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى شەرتلەرنى يوق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. 1930-يىلىدىكى مىللىي ئىنقىلابقا قەدەر، بىزنىڭ ئېڭىمىزغا، ئېڭىمىزنىڭ ئاستى قاتلاملىرىغا، يەنى خىتايلار ئۇلۇغ، بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيمىز، دېگەن ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشقان. بۇنىڭ ئەمەلىي ئۆرنەكلىرى شۇنداق بولغان:

بىرىنچى، ئاتلىق بىر ئۇيغۇر بىرەر خىتايغا ئۇچرىسا دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ، يول بوشىتىشى ھەم ئۇنىڭغا تازىم بەجا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى.

ئىككىنچى، بىر خىتاي بار ئورۇندا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئولتۇرۇشىغا ئىجازەت يوق ئىدى. بۇ دېيىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئەمەلدار بولۇشى شەرت ئەمەس، ئادەتتىكى جازانىخور خىتاي، ئەسكەر خىتاي، ھېچقانداق مەنسەپ ئەمىلى بولمىغان خىتاي بولسىمۇ، ئاۋۇ ئۇيغۇر بەگ، ھاكىم، شاڭيۇ بولسىمۇ، يەنىلا شۇ خىتاينىڭ ئالدىدا قول باغلاپ ئۆرە تۇرۇشى شەرت ئىدى.

ئۈچىنچى، خىتاي ئامباللار بۇتخانىغا كىرگەندە، مۇسۇلمان ھاكىملار، بەگلەر بۇتخانا دەرۋازىسى ئالدىدا قوللىرىنى ئارقىغا قىلىپ تىزىلىشىپ ئولتۇرۇشلىرى كېرەك ئىدى.

1912-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالىي ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن ياڭ زېڭشىن، يەنى 1863-تىن 1928-گىچە، ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكلەردىن خاتىرە، ئىستىغپار ھۇجرىسىدىكى خاتىرىلەر، سەۋەنلىكلەردىن ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن لەۋزى تەلىماتىنى ئوقۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش قوليازما خاتىرىلىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: “خەلقنى ئىدارە قىلىشنىڭ تەسى بولۇشى، بىلىملىكلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن بولغان، ئەھلى خالايىقنىڭ بىلىملىك بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىلىم ئارقىلىق ئەلنى ئىدارە قىلسا، دۆلەتكە ئاپەت كېلىدۇ. خەلقنىڭ بىلىمى ئاشقان سېرى، ئۇلار يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، يامان ئىشلارنى ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.” ھۆنەر تېخنىكىسى بار ئادەملەردىن بىرى كۆپ بولسا، دۆلەتكە ئاپەت كەلتۈرىدىغان ئادەمدىن بىرى كۆپىيىدۇ. مەكتەپلەر ياخشى ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارغا يامان تەلىماتلار ئارقىلىق پايدىسىز ئۇرۇقلارنى تارقىتىدۇ. شۇڭا، بارلىق مەكتەپلەرنى بىكار قىلىپ تاشلىماي بولمايدۇ. مەن ئادەم ئىشلىتىشتە نادان ئادەملەرنى ئىشلىتىمەنكى، ھەرگىز ئەقىللىق، بىلىملىك كىشىلەرنى ئىشلەتمەيمەن. ياڭ زېڭشىن يەنە:

«يىراق شەرق تىن كەلدىم مەن، چىڭ ساقلاپ تۇرۇمەن غەربنى.

قالدۇرىمەن بىلىمسىز نادانلىقتا، پادىشاھقا بويسۇندۇرىمەن خەلقنى»

دېگەن شېئىر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن.

بۇلار ياڭ زېڭشىننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىش يەنى 1912-دىن 1928-گىچە جەريانىدا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدىن ئۆرنەكلەر. مانا بۇلار، مانجۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئىدى. مانا بۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇللۇققا كۆندۈرۈش پىراكتىكىسى ئىدى. مۇشۇنداق ئاتموسفېرادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر بالا قانداق ئادەم بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ؟ ئاشۇنداق بىر ئاتموسفېرا ئىچىدە، بۇ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاشۇ ئۇلۇغ خىتاينى ھەيدەپ چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ئادەم چىقىشى قانچىلىك تەس ھە؟ ئەگەر بۇ ئەھۋال يەنە يۈز يىل داۋام قىلغان بولسا، قانداق بولۇپ كېتەر ئىدى؟ بۇنىڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋىتى مىللەتنى قەيەرگە ئاپىرىشنى تەسەۋۋۇر قىلالىغان، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملەرنىڭ بىرى ئابدۇقادىر داموللام ئىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىسلاھاتى، ئەسلى ماھىيىتىدە مەنىۋى كىلىماتنىڭ ئىسلاھاتى ئىدى، سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ بېخى ئىدى. چۈنكى ئۇ قازاندا ئوقۇۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىدا، ئىسمايىل گاسپىرالى، يەنى 1851-دىن 1914-گىچە باشلىغان “تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك” چاقىرىقىنىڭ ئاۋاز قوشقۇچىسى، تەشەببۇسچىسى بولغان ئىدى. جەدىتچىلىك پەقەتلا دىنىي جەھەتتىكى ئىنقىلاب ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى ھازىرلىقى ئىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قازاندىكى، بۇخارادىكى سەپداشلىرىغا قاراڭ. ئۇلار ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدە، بۇخارا جۇمھۇرىيىتى، قوقان جۇمھۇرىيىتى، خىۋە خانلىقى، ئالاش ئوردا خانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، رۇسىيەدىن مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدىمۇ؟ مانا بۇ، جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەسلى غول مۇددىئاسى ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئەمەس، سىياسىي ئىسلاھات ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى. مانا بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ قەتئىي ھالدا، بۇ قايتا ئويغىنىش دەۋرىدىكى دۆلەتچىلىك ئېڭىمىزنىڭ كۆچىتىنى ئابدۇقادىر داموللام تىككەن، دىيەلەيمىز.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئالاھىدە تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلىرى بولغان. ئۇ مەدرىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئايرىم دەرس بەرگەن. تالىپلار ئىچىدىن زېھنى ئوچۇق، ياش تالىپلارنى ۋە بىر قىسىم شاگىرتلىرىنى تۈرلۈك ئامال بىلەن چەتئەللەردىكى، ئىسلاھات ئىدىيەسى بويىچە ئوقۇتۇلىدىغان جايلارغا ئوقۇشقا چىقارغان. باۋۇدۇن باي، شەمسىدىن داموللام، قۇتلۇق شەۋقىي، ھاجى مۇھەممەد ئەلى قاتارلىق مەشھۇر مەرىپەت ئاشىنىلارىمۇ، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىدى. ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى ئويىشى شىنچىرو، يەنى “قەشقەردىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى” ناملىق ماقالىسىدا: دانا ئىسلاھاتچى، ئۆلىما ئابدۇقادىر داموللام 1912-يىلى قەشقەر شەھىرىدە يېڭىچە مەكتەپ ئاچقان. ئابدۇقادىر داموللام، تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى جايلاردا، مۇسۇلمانلارنى يېڭىچە مائارىپتا تەربىيەلەش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش بىلەن بىرگە، ھەر يىلى ئىستانبۇل، قازان، ئوفا، ئورېنبۇرگ قاتارلىق ئىلغار مۇسۇلمان يۇرتلىرىغا، 10 - 15 تىن ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تۇرغان، دەپ يازغان. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجىتىنى، 1911-يىلى ئىستانبۇلدا ئابدۇرەئۇپ فىترەت، ئوسمان خوجا، ئابدۇل ئەزىزى غۇلجائىي، مۇقىمىدىن بەگجانى ۋە سادىق ئاشۇر ئوغلى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان “بۇخارا مەرىپەت جەمئىيىتى” ئۈستىگە ئالغان. مانا بۇ ئايرىم تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سابىت داموللام، يەنى 1883-تىن 1941-گىچە ئىدى.

ئابدۇقادىر داموللام سابىت داموللامنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ماڭدۇرىدىغان ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ كاتا ئالىم، ئۆلىمالىرى، يۇرت چوڭلىرىنى دەۋەت قىلىپ، كاتا چاي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ئابدۇقادىر داموللام بۇ مۇراسىمدا سابىت داموللامنى ئاشكارا ماختاپ: “بۇ بالا بىزنىڭ ئارزۇ قىلغان، ئەمما زاماننىڭ شەرتلىرى تۈپەيلى ۋە ئۆزىمىزدىكى شەرتلەر تۈپەيلى بىز قىلالمايدىغان چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. كۆرۈسلەر چەتتىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، قايتىپ كەلگەندە ئۇ بىر ئۇلۇغ ئىنسان بولۇپ قالىدۇ” دېگەنلىكىنى دەلىللەيمىز. دېمەك، ئابدۇقادىر داموللام سابىت داموللام ۋە ئۇنىڭ قۇرداشلىرىدىن بىر تۈركۈم ياشلارغا مەخسۇس دۆلەتچىلىك ئېڭى سىڭدۈرگەن. سابىت داموللام ھەقىقەتەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كۈتكىنىدەك بۈيۈك بىر دۆلەت ئادىمى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن ئىسمىنى يازدۇرغان. مانا بۇلار ئابدۇقادىر داموللامنىڭ، بىز بۈگۈنگىچە دىققەت قىلالمىغان ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىگەن دۆلەتچىلىك ئېڭى، دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ پاكىتى. يىغىپ ئېيتقاندا ئابدۇقادىر داموللامنى ئابدۇقادىر داموللام قىلغان، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا، جەدىتچىلىك ھەرىكىتىگە ئاساس سالغانلىقى ھەم دۆلەتچىلىك ئېڭى ۋە ئىدىيەسىدۇر.

ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى جاھالەت تۈتەكلىرى قاپلىغان ئاسمانىغا ۋە بۇ زۇلمەتلىك ئاسمان ئاستىدا ھايۋان كەبى نادانلىق ۋە قۇللارچە ئىتائەتمەنلىك بىلەن ھايات كۆچۈرۈۋاتقان خەلقىگە قاراپ، چەكسىز ئېچىنغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە، چار رۇسىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن بىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تاجاۋۇزچى مەنچىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ھاماقەت ۋە زالىم ئەمەلدارلىرىنىڭ تاپىنى ئاستىدا خار-زەبۇنلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قوشۇمچە غەزەپلەنگەن. نەپەس باسقان، بىچارە خەلقنىڭ قانداق تەقدىرگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى بىلمەستىن ئاڭسىزلارچە تاجاۋۇزچىلارنىڭ، ۋىجدانسىز مۇناپىقلارنىڭ، نائىنساب بايلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق نەپرەتلەنگەن. ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تەربىيەسىز، ئىگىسىز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئۆكۈنگەن.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ جىيەنى، مەشھۇر ئۆلىما زەينىددىن ئابىدىن مەۋلىۋى داموللام بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن يەنى 1933-تىن 1995-كىچەغا ئابدۇقادىر داموللامغا مۇناسىۋەتلىك شۇنداق بىر ۋەقەلىكنى ئېيتىپ بەرگەن:

ئېشان ئابدۇقادىر داموللامغا: “ئىبلىسنىڭ، بەدبەشرە شەيتانغا ئايلىنىشىدىكى سەۋەب نېمىدىن؟” دەپ سوئال قويغان.

ئابدۇقادىر داموللام: “ئاللاھ ياراتقان ۋە ھەممىنى بىلەرلىكى بىلەن مالائىكىلەرنى ھەيرانلىقتا قالدۇرغان ئادەمگە كىبىر-ھەسەت تۇتقانلىقى، شۇنىڭدەك مالائىكىلەر ئارىسىدا تەپرىقە پەيدا قىلىدىغان بوھتان بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋەجىدىن،” دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئېشان: “شەيتاننىڭ ئالامىتى نېمە ئىدى؟” دەپ سوئال قويغان.

داموللام: “ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى بىلمەسلىكى ئىدى،” دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئېشان: “شۇ شەيتاننىڭ بىشارىتى نېمە بولغاي؟” دەپ سوئال قويغان.

داموللام: “نادانلىقتا ياتقان خەلقتىن چىققان نادان ئېشاننىڭ نادانلىقنى تەرغىب قىلىشىدىن ئىبارەت،” دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئېشان، دۇدۇقلىغانچە سورۇندىن چىقىپ كەتكەن.

1914-يىلى يازدا، باھاۋۇدۇن باينىڭ غەيرىتى بىلەن ئۈستۈن ئاتۇشتا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پېداگوگىكا مەكتىپى، يەنى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن ئېچىلغان. بۇ مەكتەپتە تۈركىيەلىك ئەھمەد كامال مۇدىر بولغان. بۇ يىللاردا ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرنىڭ مۇپتىسى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۆرمىتى يۇقىرى، تەسىرىمۇ چوڭ ئىدى. مانا بۇ ۋاقىتتا، تەرەققىيپەرۋەر ئىسلام ئالىملىرى، بايلار ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنى قوللاش ياكى قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن.

ئابدۇقادىر داموللام، باھاۋۇدۇن باي، شەمسىدىن داموللام، مەھمۇت ئاخۇن داموللام، زەرىپ قارىھاجىم (يەنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى)، ئابدۇقادىر ھاجىم، ئابدۇغۇپۇر ئاخۇن مەختۇم، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (يەنى 1870-تىن 1955-كىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى)، نۇرۇززادە ھاجى مۇھەممەد ئەلى، ئوبۇلھەسەن داموللام، قازىكالان ئىسلام داموللام قاتارلىق كىشىلەر قوللايدىغان گۇرۇھنى؛ ئۆمەر باي (شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلىماسى)، ئابدۇغۇپۇر شاپتۇل داموللام، سېلىم داموللا قاتارلىقلار قارشى تۇرىدىغان گۇرۇھنى تەشكىل قىلغان. قارشى تۇرىدىغان گۇرۇھ، رۇس ئەلچىخانىسى، مۇستەملىكچى خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئەكسىيەتچى يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىشىپ بۇ كۈرەشتە كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغان.

تۈركىيەلىك ئەھمەد كامال ئەپەندى ئۆز خاتىرىسىدە بۇ ئەھۋاللار ئۈستىدە توختىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇقادىر داموللام ھەزرەتلىرى ئۆمەر باي بىلەن كۆرۈشۈپ، شەھەردە بىر مەكتەپ ئېچىش ۋە يەنى جەمئىيىتى خەيرىيە ئىسلامىيە (يەنى ئىسلام خەيرىيەت جەمئىيىتى) نامىدا بىر جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن ھاجى مۇھەممەد ئەلى ئەپەندى، ۋەلىخان ئەپەندىلەرنى باھاۋۇدۇن بايغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ، باھاۋۇدۇن بايدىن ئۆمەر بايغا خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنى قايىل قىلىشنى ئۆتۈنگەن. باھاۋۇدۇن باي ئەلچىلەرگە يەنى ‘ئەگەر ئۆمەر باي بۇ تەلەپىمىزگە قوشۇلسا مەن ئۇنىڭ مىنگەن ئېتىنىڭ تېزەكلىرىنى تېرىيتتىم’ دېگەن. باھاۋۇدۇن باي سەرۋىتى، ھۆرمەت ۋە ئىمتىياز جەھەتلەردە ئۆمەر بايدىن يۈز بەلكى مىڭ ھەسسە ئارتۇق بولسىمۇ، قەشقەردەك بىر شەھەردە بىر ئىلىم يۇرتىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەنە شۇنداق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىدى. ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۆمەر باي باھاۋۇدۇن باي باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، باھاۋۇدۇن باي بىر قانچە قېتىم ئۆمەر باينىڭ ئالدىغا بارغان بولسىمۇ پايدىسى بولمىدى.»

ئابدۇقادىر داموللام، ئۆزلىرىنى يۇرتنىڭ تاجىسى، ئەلنىڭ ئابرويى دەپ ھېسابلايدىغان نۇرغۇن مېھمانلار قاتناشقان بىر قېتىملىق زىياپەتتە، مۇنداق نۇتۇق سۆزلىگەن:

«بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم. مەن ئەسلىدە ئۆز مۇددىئايىمنى ئەرز قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرىلىرىنىڭ ئۆيىگە بىر-بىرلەپ بارسام بولاتتى. ئەپسۇسكى بارالمىغان قالدىم، ئەپۇ قىلغايلار. ھالا بۈگۈن ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بولىدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم. مۇددىئا نېمە، دەپ سورالسا شۇنداق جاۋاب بېرىمەنكى، مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي زىياپەتلىرى ئىچىدە مەست-مۇستەغرىق بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن. چۈنكى مەست-مۇستەغرىقلىق ئارىسىدا ۋەتەن مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر، ھالى تەرس ۋە نەھس ئۆتمەكتىدۇر. خەلق نادانلىق، جاھالەت ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە، ھەممە ئىش كونا قېلىپتا، يېڭىلىققا يول بەرمەي ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا. ۋاقتىمىز، دەۋرىمىز، ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە. بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس. بۇ، مىللىي مۇنقەرىزلىكتىن بىشارەت بېرىدىغان خەۋپلىك ھادىسە. ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋپلىك ۋەزىيەتتە، قانداقمۇ جىم تۇرغۇسى كەلسۇن؟ بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان قازى، مۇددەرىسلىرىمىز، داموللىلىرىمىز، ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز بۇ خەۋپلىك ھالدا كۆزىنى يۇمۇپ قۇلىقىنى گاس قىلىپ قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن؟

شۇنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى، ۋەتەن مىللەتنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلقنىڭ بېشىنى ئوڭشاش، بەخت-سائادەتكە باشلاش، مانا مۇشۇ داستىخاندىكى ھەممە كىشىنىڭ گەدىنىدىكى پەرز ۋە قەرزدۇر. ئىنساب تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق، بولۇپمۇ بىز ئالىملارنىڭ خەلقنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، سائادەتلىك كۈنلەرگە يېتىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر. ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا بىز نېمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟ دېگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ بۇ تەرەپلەرنى ھەر بىر ئۆلىما ئوبدان ئويلاپ مُھاكىمە قىلىپ كۆرۈشى كېرەك.

بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چېكىپ ئىلىم تەھسىل قىلغانلىرىمىز، نېمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟ خەلقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق. ئاللاھقا شۈكرى، ئوقۇغانغا يارىشا، بىرىمىز قازى، بىرىمىز داموللا، بىرىمىز مۇدەررىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ، يۇرت خەلقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق. ئەپسۇسكى بىز بۇ ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇۋېلىپلا ئەسلىدىكى مەقسەت مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ، نوقۇل ھالدا ھۇزۇر-ھالاۋەت، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ يېتىۋالدۇق. يۇرت بولسا نادانلىق، جاھالەتتە خەلقىمىز خار-مۇزەللەتتە قالدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى، خەلقىمىزنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق. تۆر، ئابروي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولدۇق. بىز نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلاپ، ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز؟ ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك مەدرىسىلەردىكى ۋەقەپكە، مۆھۈر ھەققىگە، نەزىر چىراقتىكى سەدىقە ئېھسانغا ئىشقىلىپ قەيەردە نەپ بولسا شۇ يەرگە توپلۇنىۋالغانلىقىغا، تاماخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزىغىچە پېتىپ چۆكۈۋاتقانلىقىغا، ۋەتەن-مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ داد-پەريادى، نالە-پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي كۆز يۇمۇپ گاس-ئاما بولۇۋالغانلىقىغا، قانچە قايغۇرسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ؟

بىز بۇ يەردە پولو يەپ تەۋەق بېكارلاپ ئولتۇرىمىز. بىزنىڭ ئەزىز بالىلىرىمىز گۈلخاندا كۈلگە مۈكۈنۈپ ئاچ-يالىڭاچلىق ئازابىنى تارتماقتا. بىز كۈندە قانچە قېتىم داستىخان ئۈستىدە مەئىشەت قىلىپ توقلۇقتىن كېكىرىپ سېسىق كېكىرىپ يۈرىمىز. ئۇنىڭ ھېسابىغا كوچىدىكى تىلەمچى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە. نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن مەكتەپ ئېچىپ، دارىلتام دارىل ئاجىزلار قۇرۇپ كوچىدا ئاچ-يالىڭاچ خارۇ-زارلىقتا قالغان بالىلارنى، ئاجىز-مىسكىنلەرنى تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاپ غەمخورلۇق قىلساق بۇنىڭ نېمە يامىنى؟ ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى، خەلقنىڭ بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خەلقنى بەخت-سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن، پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن شەخس، مەنپەئەت يولىغا ماڭساق، قولغا كىرگەن تىللا-تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق، ئىستىقبالىمىز توغرىسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق، ئاللاھ تائالاغا كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمىز؟

ئەپسۇسكى بىز غەمخورلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋروپادىن كەلگەن مىسسىيونېرلار ئۆز قوينىغا تارتماقتا. ئىنگلىز، شىۋېتلار قاندىدۇر شىپاخانا قۇرۇپ داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغۇرلىماقتا. ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە، ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا. بىز بولساق بالىلىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇۋاتىمىز. ھېلىمۇ كېچ ئەمەس، پۇرسەت بار. ئەگەر ۋاقتىدا قايتۇرۇپ قېلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم بولۇپ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ لەنەت، نەپرىتىگە كۆمۈلۈپ كېتىمىز، مۇقەررەر. مەنچىڭ خىتايلىرى قانداق قىلىپ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى ئىشغال قىلىۋالدى؟ ئىنگلىز، شىۋېتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ ئۇلار ھېچ ۋاقىتتا بىزگە مېھمان ئەمەس. ئۇلار جاھانگىر، تاجاۋۇزچى، ئۇلار ئوغرى-بۇلاڭچىلاردۇر. بۇ مىسسىيونېرلار بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن يەنە بىر بالا-يۇ ئاپەت. ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىق ۋاباسى چېچىپ ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆز قېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخورلاردۇر. خىتاي كاپىرلىرى تاجاۋۇزچىلاردۇر.

ھۆرمەتلىك مېھمانلار، بىز ئەزەلدىن قابىل، باتۇر خەلق ئىدۇق. تاكى پامىردىن ئۇزاق ئالتايغىچە چېدىر-بارىگاھ تىكىپ، سەلتەنەتلىك ئوردا-تەختلەر قۇرۇپ، دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق. قاچانكى بىزگە جاھالەت، نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، ھەسەتخورلۇق، مەنمەنلىك، شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلەرى چاپلاشتى، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم بولدۇق. شۇ كۈندىن باشلاپ زاۋاللىققا، خار-زەبۇنلۇققا يۈزلەندۇق. ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى. بىز غەپلەت ئۇيقۇسىدىن تۇرۇپ كۆزلىرىمىزنى ئاچساق، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئاسارەت كىشەنلىرىنى پارچىلاپ تاشلىساق، يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ، ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇشقا، ۋەتەن-مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يېتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز.» دەپ خىتاب قىلغان.

ئەينى چاغدا قەشقەر شەھىرىدە يىراق-يېقىنغا نامى مەشھۇر مەدرىسىلەردىن 15 مەدرىسە بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ لايقاشتەڭ مەدرىسى، قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسە، ھېيتگاھ مەدرىسى، ئاخۇن ھاجى مەدرىسى قاتارلىق مەشھۇر مەدرىسىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، 200 دىن ئارتۇق تالىبى بار مەدرىسە ئىدى.

ئابدۇقادىر داموللام بىلەن زامانداش بۈيۈك ئالىم، مەشھۇر شائىر، ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ھۈسەيىنخان تەجەللى، يەنى 1848-دىن 1927-گىچەنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا: “ئابدۇقادىر داموللام نازۇكلۇقىدا روھقا، ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىدە تاغقا، ئىلىمنىڭ موللۇقىدا دېڭىزغا ئوخشايتتى.”

بۇ يىللاردا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ، يەنى «بايانىي ھەقىقەت» ناملىق ئەسىرى «شۇرا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى خېلى ئەتراپلىق كۆزەتكەن نۇشىرۋان ياۋۇشېۋ، يەنى شۇرا ژۇرنىلىنىڭ 1916-يىلى 15-ئاپرېل سانىدا ئېلان قىلغان تەسىرات ماقالىسىدە: “قەشقەردەك ئەڭ قاراڭغۇ بىر بۇلۇڭدىن شۇنداق ئاڭلىق ۋە كۈچلۈك بىر ئالىمنىڭ چىقىشى مېنى ئەڭ سۆيۈندۈردى” دەپ يازغان.

شۇرا ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «بايانىي ھەقىقەت» دېگەن ئەسىرىگە تەھرىر ئىلاۋىسىنى يازغاندا: “ئابدۇقادىر داموللام ئەپەندىنىڭ «جەۋاھىرۇل ھەيقان» ناملىق ئەسىرىنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، مۇئەللىپ شام ياكى مىسىر ئالىملىرىدىن بولسا كېرەك دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىدۇق. ئەرەب تىلىدا بۇ دەرىجىدە پاساھەتلىك، تەبىئىي قەسىدە يازالايدىغان مۇقتەدىر ئالىم بولۇشى ئېسىمىزگە كەلمىگەن ئىدى” دەپ قائىل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت (1887-دىن 1952-گىچە)، ئۆزىنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق ئەسىرىدە، قەشقەردە يېرىم يىلدەك تۇرۇپ ئاقارتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئادىل ھېكمەت باي قاتارلىق تۈركىيەلىك زىيالىيلار، 1915-يىلى ئاپرېلدا يازغان خاتىرىسىدە ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇ ئاچقان مەكتەپلەر ئۈستىدە مەخسۇس توختالغان. ئۇزاق ئۆتمەي شۇرا ژۇرنىلىنىڭ 1916-يىلىدىكى سانلىرىدا ئابدۇقادىر داموللام كىمدۇر دېگەن ئوچېرىك ئۇلاپ ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى پۈتكۈل تۈركىي خەلقىگە مەشھۇر بولۇپ كەتكەن.

ئابدۇقادىر داموللام 1918-يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا يەنە بىر قېتىم سەپەر قىلغان. بۇ قېتىمقى سەپەر ۋاقتى 1921-يىلىغىچە بولغان. بۇ جەرياندا ئابدۇقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلغان. ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ مۇددىئا، مەقسەتلىرىنى تەھلىل قىلغان. شۇ جەرياندا ئوشتا بىر ئۆزبېك ئايالنى ئەمرىگە ئالغان. بۇ ئايالدىن ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنتى بولغان.

1921-يىلى رۇسىيە تۇپرىقىدا بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملىنىپ خەلقئارادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئابدۇقادىر داموللام بولۇۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەردىن، بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى كېلەچىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئابدۇقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 3 يىلغا سوزۇلغان كۈزىتىش، كۈتۈش، ئويلىنىش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1921-يىلى ئوشتىن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى مەرىپەتلىك روھىي-سىياسىي ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن تېخىمۇ بېيىغان. مۇشۇ مەزگىلدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەسىرى بىلەن يېڭىلىققا تەلپۈنگەن قەشقەر ياشلىرى، قەشقەردە ياش قەشقەرلىكلەر نامىدا بىر تۈركۈم جەدىتچى روھتىكى زىيالىيلار بارلىققا كەلگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە نەشر قىلىنىۋاتقان گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇيدىغان قىرائەتخانا ئاچقان. جەمئىيىتى ئىسلامىيە دېگەن نامدا ئۆلىمالار كېڭىشىنى قۇرغان. بۇ كېڭەشتە قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق ئۆلىمالىرىدىن شەيخۇل ئىسلام دەپ نام ئالغان موللا ئىسلام داموللام، سۇلتانۇل ئۆلىما دەپ نام ئالغان باھاۋۇدۇن مەختۇم، ئوبۇلھەسەن ئاخۇنۇم، خانېرىقلىق ئابدۇغۇپۇر ئاخۇن مەخسۇم قاتارلىق زاتلار ئىشتىراك قىلغان. جەمئىيىتى خەيرىيەت ئىسلامىيە نامىدا فوند تەسىس قىلىنغان. مۇتائالىيە ھىدايەت دېگەن نامدا جەدىتچى مەكتەپ ئاچقان. ئۇ تۇنجى بولۇپ قىزلارنىڭ ئايرىم مەكتەپلەر ئېچىپ تەربىيەلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەم ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالغان. ئۇ: “قىزلار ئانا بولىدۇ، بىلىملىك ۋە بىلىمسىز ئانىنىڭ تەربىيەلىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس” دېگەن. ياشلار تەربىيەسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.

ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ ئىسلاھات ئىدىيەسى ۋە غايىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پروگرامما خاراكتېرلىك مۇھىم ئەسىرى «نەسھەتى ئاممە»نى يېزىپ باستۇرۇپ تارقاتقان. بۇ ئەسەر قاراتمىلىقى كۈچلۈك، چاقىرىق كۈچى زور ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇنداقلا ئىدىيەسىنىڭ ئىلغار، تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىدېئولوگىيەسى ۋە ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ۋەكىللىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

ئابدۇقادىر داموللام «نەسھەتى ئاممە» دېگەن ئەسىرىدە خەلققە خىتاب قىلىپ: “بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەگەكلىك زامانى. جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرى. سۇسلۇق ۋە بىكار تەلەپلىك ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىش ۋاقتى. باشقا مىللەتلەر ئىلىم مەرىپەت سايىسىدا ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا. سۇ ئاستىدا بولسا ئەركىن ئۈزۈشمەكتە. بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ بولسا ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقۇلۇش ۋە ئۆلۈم بولىدۇ. ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار” دەپ كۈچلۈك خىتاب قىلغان.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ خىتابى ئەينى ۋاقىتتا زىلزىلە خاراكتېرلىك ئۈنۈم پەيدا قىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرى بىلەن كىشىلەردە مىللىي ئاڭ ئويغىنىشقا باشلىغان. ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە مەشھۇر ئالىم، جەمئىيەت ئىچىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر زاتلاردىن بولۇپ تونۇلغان. ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى قەشقەردە يېڭى جانلىنىش مەنزىرىسىنى پەيدا قىلغان. ئابدۇقادىر داموللام بۇ ۋاقىتتا خەلق ئارىسىدا گويا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان. ئۇنىڭ تەسىرى يۇقىرى چەككە يەتكەن. ئۇ خەلقنىڭ قان-تەر بەدىلىگە ياشاۋاتقان تەسلىمچى مەنسەپدارلارغا، جاھالەت ھامىيلىرى بولغان مەسچىت ئۆلىما-ئىشانلارغا، مال-دۇنيا توپلاشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ئاچكۆز بايلارغا قىلچە يۈز-خاتىرە قىلماي مۇرەسسەسىز مۇئامىلە قىلغان.

قىسقىسى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە قەشقەر تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىچە كەيپىيات بارلىققا كەلگەن. كىشىلەر يېڭىلىق، تەرەققىيات، مەرىپەت ھەققىدىلا ئەمەس، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدىمۇ ئويلىشىدىغان، سۆزلىشىدىغان بولغان.

بۇ يىللاردا قەشقەردىكى بەزى مۇتەئەسسىپ موللا، قازى-قۇززات، ئەكسىيەتچى يەرلىك ئەمەلدارلار ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئابدۇقادىر داموللامغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. ئۇلار ئىنتايىن زەھەرخەندىلىك بىلەن: «ئابدۇقادىر داموللا جەدىتچىلىك يولىغا ماڭدى، ئىمانىمىزنى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇ خەلقنى ئويغاتمىسىمۇ مەزىن ئاخۇنۇملار ھەر كۈن ئەتتىگەندە ئەزان توۋلاپ ئويغىتىۋاتىدۇ غۇ»، دېيىشىپ مەسخىرە قىلىشقان. يېڭىچە مەكتەپلەر ئېچىلىپ ئوقۇش باشلىشى بىلەن بۇ مەكتەپنى قوللىغان ۋە پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بەرگەن كىشىلەر ئۈستىدىن لەنەتكەردە ئازغۇنلار دېگەندەك پەتىۋالارنى چىقارغان. قىرائەتخانا ئاچقان ياشلارغا مەزھەپ بۇزدى دەپ تۆھمەت قىلىپ قىرائەتخانىنى تاقىتىۋەتكەن. يېڭى قۇرۇلغان ئىسلام جەمئىيىتىنى دەھرىيە ئوچىقى دەپ تاقىتىۋەتكەن. ئىسلامنىڭ ياخشىلىق قىلىش جەمئىيىتى، جەمئىيىتى خەيرىيە ئىسلامىيەنى فىتنە-پاسات تارقىتىدىغان مەركەز دەپ تاقىتىۋەتكەن. «نەسھەتى ئاممە» ئىسىملىك رىسالىگە بىدئەت دەپ پەتىۋا چىقىرىپ چەكلىگەن. مۇتائالىيە ھىدايەت نامىدا ئېچىلغان دىنىي، مىللىي، ئەدەبىي مەكتەپنى ئازغۇنلار ئۇيۇشمىسى دەپ تاقىتىۋەتكەن. يىغىپ ئېيتقاندا مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھات ھەرىكىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان.

بىز بۇلاردىن ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئالىملىرى ۋە تەرەققىيپەرۋەرلەر بىلەن مۇتەئەسسىپ قارا كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ نەقەدەر كەسكىن بولغانلىقىنى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. ئابدۇقادىر داموللام مۇتەئەسسىپ موللىلارغا «ئۇسۇلى جەدىت ھارام، ئۇنى ئوقۇش دەھرىيىلىك» دەپ پەتىۋا چىقىرىپ جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرغۇچى قارا قورساق، جاھىل نادانلارغا ئاشكارا ھالدا قارشى تۇرغان. ئۇ ئېنىق قىلىپ، ئالىملىرىمىز زىممىسىدىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يېتىشى، ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن خەلائىققا ئەينەن يەتكۈزۈشى كېرەك دەپ خىتاب قىلغان. ئالىملارنى ئاللاھتىن قورقۇشقا، ئادىل بولۇشقا، ئۆز خەلقىگە ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

ئۇ «ئەقائىد زۆرۈرىيە» ناملىق ئەسىرىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: “ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولماققا بائىس سەۋەب نېمىدۇر؟ ئىككى نەرسىدۇر. بىرى جاھالەت ۋە نادانلىق. ئىككىنچىسى تەپىرقى ۋە ئىختىلاپتۇر. ئىززەت ئابروي قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولۇر؟ ئىلىم-مەرىپەت، ئىتتىپاق بىلەن بولۇر.”

ئابدۇقادىر داموللام، قەشقەر كوچىلىرىدا سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنى، گۈلخانلاردا كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان يېتىم-يېسىرلارنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ خۇددى ئۆز پەرزەنتىدەك ھالىدىن خەۋەر ئالغان. ئۆزىنىڭ مەدرىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ تەربىيەلىگەن. يۇرت كاتتىلىرى بولغان بېخىل بايلارغا يېتىم-يېسىرلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ مۇسۇلمانلىق ھەم قېرىنداشلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ھەققىدە يول كۆرسەتكەن.

ئەسلىدە 1906-يىلى بېرىتانىيە قاھىرەدە كېسپېل ئىنجىل يىغىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ئىسلام دىنى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ئىسلامىيەتكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىش ئىدى. يىغىندا ئېلان قىلىنغان قارار بويىچە مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن ئىسلام زېمىنلىرىدا دوختۇرخانا ۋە دارىلتاملارنى قۇرۇش، مەكتەپ سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى يولغا قويغان. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا خرىستىيان فاكۇلتېتى قۇرغان، بېرىتانىيە باشلىغان خرىستىيانلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىپ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خرىستىيان دىنىنى تارقىتىش ھەرىكىتى 1920-يىللىرى قەشقەرگىمۇ يېتىپ كەلگەن.

بۇ ۋاقىتتا ئابدۇقادىر داموللام شەرقىي تۈركىستاندا تارىخى مىڭ يىلدىن ئاشقان ئىسلام دىنىنىڭ خىرىسقا دۇچ كەلگەن مۇشۇنداق جىددىي پەيتىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، غاپىل قالغان خەلقنىڭ ئەقىدە-ئېتىقادىنى چىڭىتىش، دىنىي كىملىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، نۆۋەتتىكى كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش توغرىلىق پۇرسەت يار بەرگەنلا سورۇندا تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ قانات يايدۇرغان. ھەر كۈنى نامازدىگەردىن كېيىن ھېيتگاھ مەسچىتىدە ئەمرى-مەرۇپ، مۇنازىرە سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋەز تەبلىغ قىلىپ ئۈزلۈكسىز تەشۋىقات تەرغىبات ئېلىپ بارغان. مۇتەئەسسىپ ئۆلىمالار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ، ئۈستۈن ئىلمىي ۋە قابىلىيىتى بىلەن ئۇلارنى داۋاملىق مات قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ باشچىلىقىدا تاجاۋۇزچى خىتاي ۋە چەتئەل جاھانگىر كۈچلىرىنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى خەلق كۈرىشىنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىققان. 1924-يىلى ئابدۇقادىر داموللام ھەر قايسى مەدرىسىلەردىكى تالىپلارنى تەشكىللەپ، شىۋېت دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بارغان. بۇ ئەھۋال 1936-يىلى نەنجىڭدا نەشر قىلىنغان، زېڭ ۋېنۋۇ يازغان «جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتىنى ئىدارە قىلىش تارىخى» دېگەن كىتابتا: “مىنگونىڭ 13-يىلى قەشقەردىكى چوڭ مۇپتى ئابدۇقادىر داموللام خرىستىيان كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭدا يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇتۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن ژۇرنال چىقىرىشقا ئىجازەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىغان. ئابدۇقادىر داموللام تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى يېزىپ تالىپلارغا ھەر قايسى مەسچىتلەرگە چاپلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنى ئوقۇغانلار ناھايىتى كۆپ بولغان. ئۈنۈمى چوڭ بولغان، مانا مۇشۇنداق ئىدىيەۋى قوزغىتىش نەتىجىسىدە قەشقەردىكى ئوقۇغۇچىلار پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۈپ، شۇئار توۋلاپ كوچىلارنى ئايلانغان. ئوقۇغۇچىلار مىسسىيونلارنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. باسما ماشىنىلىرىنى پاچاقلىۋەتكەن، بۇ ئىش قەشقەرنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن. قەشقەردىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى شىۋېت مىسسىيونلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئادەملىرى چۆچۈپ كەتكەن” دەپ يېزىلغان.

نامايىش كۆتۈرۈلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا قەشقەر دوتىيى ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان يېڭى مائارىپ ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى بويىچە ھەل قىلىدىغانلىقى توغرىلىق ئىنگلىز، شىۋېت ۋە رۇسلارغا ۋەدە بەرگەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن ۋەتەنپەرۋەر مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇستەملىكتىن ئىبارەت ئەجەللىك قىسمەتنىڭ خەتىرىنى تۇنجى بولۇپ پەرق ئەتكەن، ئۆزىدە دۆلەتچىلىك ئېڭى ۋە ئىدىيەسى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇنتۇلماس سىماسى، ئابدۇقادىر داموللام 1924-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تاڭ سەھەردە قەشقەر شەھىرىدىكى ئۆيىدە ياللانغان قاتىل تەرىپىدىن قەستلەپ شېھىت قىلىنغان. ئابدۇقادىر داموللام شېھىت قىلىنغان ۋاقىتتا 54 ياشتا ئىدى.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قاتىلى، چەتئەل ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇندىخور يالاقچىلىرى ۋە مۇتەئەسسىپ رۇھانىي كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان خېلىمتاس مەزىن (بەزى مەنبەلەردە ئەھمەد ئەمەت دەپمۇ يېزىلغان) ئىسىملىك بىر نائەھلى ئىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شېھىت قىلىنىشى، ئۇيغۇر خەلقىنى ئەسىرلەپ ئويلاندۇرىدىغان ۋە ۋىجدان نەپرىتىنى قوزغايدىغان پاجىئە بولدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش ھېسابلانغان بۇ قاتىللىق ۋەقەسى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن ھالقىپ، ھىندىستان ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، قەشقەردىكى ئىلغارلىققا مايىل كۈچلەر تۈركۈملەپ قولغا ئېلىنغان. بىر قىسمى تاشكەنت، ئەنجان، قارا قولغا، بىر قىسمى غۇلجىغا، يەنە بىر قىسمى خىتاينىڭ شاڭخەي، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلىرىگە قېچىپ قۇتۇلغان. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىدىن قەشقەر خەلقى چەكسىز قايغۇ ھەسرەتكە چۆمگەن. قۇتلۇق شەۋقىي، يەنى 1876-دىن 1937-گىچە. مەمتىلى تەۋپىق، 1901-دىن 1937-گىچە. شەمسىدىن داموللام قاتارلىق ئالىم ۋە شائىرلار ئازابلىق ھېسسىياتى بىلەن مەرسىيەلەرنى يازغان. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىخلاسمەن شاگىرتلىرى ھەسرەتلىك قوشاقلارنى توقۇشقان.

“تاغۇ تاشلار تەۋرىنىپ قاتتىق چاقماق چاققانمۇ،

تۈمەن دەريا سۇلىرى بۈگۈن تەتۈر ئاققانمۇ.

ئېتىڭ بەكمۇ چىرايلىق ئابدۇقادىر ئەمەسمۇ،

خەلقىمىزگە يول باشلاپ ئۆمرۈڭ ئۆتكەن ئەمەسمۇ.

ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز، كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز،

داموللامغا دەيۈزلەر قەست قىلالماس دەپتىمىز.

داموللام ئۆلۈپ كەتتى، تالىپلار يېتىم قالدى،

سەن ياشىغان بۇ يۇرتتا شەيتانۇ رەجىم قالدى.

داموللام شېھىت بولدى، ياتار جايى بېھىش بولدى،

داموللامغا قەشقەرلىك كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى.”

شۇ يىلى كۈز مەزگىلىدە بۇ شۇم خەۋەردىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ چوڭ پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوغلى ئابلىز مەخسۇم، يەنى 1899-دىن 1982-گىچە داتىسىنىڭ قاتىلىنى توغرىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتىلىنى تېپىپ جازالاشنى مەقسەت قىلىپ ھىندىستاندىن ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئەپسۇسكى مۇستەملىكچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن ئۇ ئاچقان داۋا ئۈنۈمسىز ئاخىرلاشقان.

ئابدۇقادىر داموللام ھېكمەتلىرىدىن:

بىرىنچى، ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى، مەيلى ئۇ ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن، گۈزەل ئەمەلىيىتىگە باغلىق.

ئىككىنچى، زاماننىڭ ھاتەمىلىرى سانىلىدىغان ئەرلەر موھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان. دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن، بىناۋالارنىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ھەق سۆزىنى ئېيتقان كىشىلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر.

ئۈچىنچى، ئالىملار ئۆز ئىلىمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا ئۇلارنىڭ ھەر بىر لەۋزىدىن قەنت شېكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتتى.

تۆتىنچى، ئەقىل ئىگىسى بولساڭ قۇرۇق دېمەي بۇ سۆزگە قۇلاق سال. غەيرەت ئەھلى دائىم قانائەتچان بولسا نېمىدېگەن ياخشى. بىر مىسال باركى كىشىدىن تەمە قىلماي گويا ئۆكۈزدىن سۈت، مۇزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەر.

بەشىنچى، چىراينىڭ ھۆسنىگە تولمىقى بىلەن، تۆمۈرنىڭ پارقىراق بولمىقى بىلەن يىگىتنىڭ پەزىلەت شەرتى تولامدۇ؟ ياماندىن چىققانغا دەلىل بولامدۇ؟

ئالتىنچى، كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل، سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساملا ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن.

يەتتىنچى، كىتاب ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمراھ قىلماي كىتابنىڭ شەرھىي ئىزاھلىرىغىلا ئېسىلىۋالسا گويا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.