تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇ بىلىك»

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى شانلىق مەدەنىيەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئاتاقلىق نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ. ئالىمنىڭ شاھ ئابىدە ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» يەنى «بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم».

11-ئەسىردە بۈيۈك قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر ئەينى زاماندا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان، يەنى سىياسەتنامە تۈرىدىكى تۇنجى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ داستان يەنە تۈرك خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ يېزىلغان ئەسەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسىرى ئەرەب تىلىنىڭ ئىلىم تىلى، پارس تىلىنىڭ شېئىرىي تىلى بولغان بىر دەۋردە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقى، ئەينى دەۋردىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئاشكارا ھالدا قىلىنغان نارازىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئەمما بۈگۈنكى مەۋجۇت نۇسخىلىرىنى ئاساس قىلغان 3-قېتىم يېزىلغان نۇسخىسىنىڭ، ئەسەرنىڭ ئەسلىي ھالىتىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىلغان نۇسخىسىغا ئەرەبچىنى ئۆزگەرتىپ بارلىققا كەلتۈرگەن ئېلىپبە ھەرپلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغانلىق ئېھتىماللىقى مۇتلەقتۇر. دۇنيا ئەدەبىياتى نۇسخىسىدىن قارىغاندا «قۇتادغۇبىلىك» داستانى تېما جەھەتتىن نەسىھەتنامە، ئىلمىي ھېكمەت، ماقال-تەمسىلنامە، سىياسەتنامە، دۆلەت توغرىسىدىكى تەلىمات (ئۇتوپىيە)، شاھزادىلەرنىڭ جاھاننامىسى قاتارلىق تۈرلەرگە مەنسۇپ بولۇپ، «قۇتادغۇبىلىك» ئىلىم-پەننىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل بىر قامۇس ھېسابلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھ ئابىدە ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»نى خىتايلار «ئەدەبۇلمۈلۈك» – شاھلارنىڭ ئەدەب قائىدىلىرى دەپ ئاتىدى. ماچىن يەنى خوتەن مۈلكىنىڭ ھاكىملىرى «ئاينۇر مەمىلىكە» – مەملىكەتنىڭ دەستۇرى ۋە «ئەنسۇل مەمالىك» – سەلتەنەت سىردىشى دېسە، شەرقلىقلەر «زىننەتۇل ئۇمرا» – ئەمىرلەر زىننىتى دېدى. ئىرانلىقلار «شاھنامەئى تۈركى»، تۈركلەر «شاھنامىسى» دەپ ئات قويدى. بەزىلەر يەنە «پەندىنامى مۈلۈك» – شاھلارغا نەسىھەت دەپ ئاتىدى. تۇرانلىقلار بولسا «قۇتادغۇبىلىك» دەپ ئات قويدى.

قامۇسنىڭ ئەدەبىي تۈرى داستان. 85 باب، 6645 بەيت، 13300 دىن ئارتۇق مىسرادىن تەركىب تاپقان. ئەسەر مەسنەۋى يەنى ئىككىلىك شەكىل، ئارۇز ۋەزنىنىڭ مۇتەقارىب بەھرىدە يېزىلغان. ئەرەب پارس تىللىرىنى پەقەت چوڭ زۆرۈرىيەت ئاستىدىلا ئىشلەتكەن. ئاساسەن قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى دىيالېكتى يەنى خاقانىيە تىلى بىلەن يېزىلغان.


«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مەزمۇنى باشتىن ئاخىرى ئاساسلىق تۆت ئانا تېما ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ تۆت ئانا تېمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سىمۋول خاراكتېرىدىكى شەخسلەر بىلەن بولغان سۆھبەت ۋە مۇنازىرىلەردىن تەركىب تاپقان. بۇ سىمۋوللۇق شەخسلەر تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى شەخس: ئىسمى كۈنتۇغدى. بۇ ئىسىم ئادالەتلىك ھۆكۈمدارغا سىمۋول قىلىنغان.

ئىككىنچى شەخس: ئىسمى ئايتولدى. يەنى تولۇن ئاي. بۇ ئىسىم خۇشاللىق بەختكە سىمۋول قىلىنغان.

ئۈچىنچى شەخس: ئىسمى ئۆگدۈلمىش. يەنى ئاقىۋەت ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى. يەنى ماختانغان ماختانچاق ۋەزىرنىڭ ئوغلى.

تۆتىنچى شەخس: ئىسمى ئودغۇرمىش. يەنى ئەقىل-زېرەكلىك، دەرۋىش بولۇپ ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئوتتۇرىغا سۈرۈلگەن تەرەققىيپەرۋەر پىكىرلەر مانا مۇشۇ تۆت كىشىنىڭ ئۆز ئارا قىلىشقان سۆھبىتى ئارقىلىق بايان قىلىنغان.

مەشھۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئىسىملىك ئەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«كىتابىمغا ئوقۇغۇچىغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلسۇن، ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسەتسۇن دەپ قۇتادغۇبىلىك ئىسىمنى قويدۇم. مەن سۆزلىرىمنى سۆزلۈدۈم، چۈشەنچىلىرىمنى يازدىم. بۇ كىتاب ھەر ئىككى دۇنيا ئۈچۈن توغرا يولنى كۆرسەتكەن بىر رەھبەردۇر، بىر ياردەمچى قولدۇر. مەن سىزگە ئەڭ توغرا بولغان بىر سۆزنى ئېيتىپ بېرەي، دۇنيادا ئۆز دۆلىتىنى ھەر ئىككى دۇنيا ئۈچۈن قولىدا تۇتۇپ تۇرالىغان كىشىدىنمۇ بەختلىك ھېچكىم يوقتۇر.»

«ئاۋۋال كۈنتۇغدىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، ئۇ ھۆكۈمداردۇر، توغرا ياشاشنى تەمسىل قىلىدۇ. ئايتولدى بىلەن خۇشاللىق قۇياشى تۇغۇلىدۇ، ئۇمۇ بەخت-سائادەتنىڭ ۋەكىلىدۇر. ئۆگدۈلمىش ئەقىلنى، ئودغۇرمىش ئاقىۋەتنى تەمسىل قىلىدۇ. مەن سۆزۈمنى بۇ قىممەتلىك تۆت كىشى، يەنى كۈنتۇغدى، ئايتولدى، ئۆگدۈلمىش، ئودغۇرمىش ئۈستىگە مەركەزلەشتۈردۈم. ئوقۇغىنىڭدا چۈشىنىسەن، دىققەت قىل.»

يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1069-يىلى ساراي ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەندە يېشى ئەللىكتىن ئۆتۈپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قېرىپ ئاجىزلاپ قالغانلىقى توغرىسىدا «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:

قىرىقتىن ئۆتسە كىمنىڭ تىرىكلىك يىلى،

ۋىدالاشتى ئۇنىڭدىن يىگىتلىك تىلى.

تەككۈزدى ماڭا قولىنى ئەللىك يېشىم،

قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۈسىدەك بېشىم.

مېنى قىچقىرىپ ئاتمىش دەيدۇ ئۇ كەل،

بارارمەن ئەگەرچە يەتمىسە ئەجەل.

ئەگەر تولسا ئاتمىشقا ئادەم يېشى،


كېتىپ زەۋق ئۇنىڭ يازى بولۇر قىشى.

بويۇم ئىدى ئوقدەك، كۆڭۈل ئىدى يا،

كۆڭلۈمنى قىلغۇچى ئوق بويۇم بولدى يا.

كىشەنلىك پۈكۈلدى ماڭالماس پۇتۇم،

قارايدۇ يورۇماس بولۇپ نۇر كۆزۈم.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 1069-يىلى يەنى «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى شەرقىي قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانى توغرۇل قاراخانغا يەنى مۇسۇلمانچە ئىسمى مەھمۇدخانغا تەقدىم قىلماي، ئۇنىڭ ئورۇنباسارى بولغان ئەبۇل ھەسەن بۇغراخانغا تەقدىم قىلغانلىقىنى نېمە دەپ چۈشەندۈرۈش كېرەك؟

مىلادىنىڭ 1058-يىلى شەرقىي قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانى ئىبراھىم ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئۇكىسى توغرۇل قاراخان خاقان بولغان ئىدى. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى ئەبۇل ھەسەن يەنى بۇغراخان ئۇنۋانىدا توغرۇل قاراخانغا 16 يىل يەنى مىلادىنىڭ 1058-يىلىدىن 1074-يىلىغىچە ئورۇنباسار خاقان بولدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يەنى «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى مىلادىنىڭ 1069-يىلى شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ ئورۇنباسار خاقانى ئەبۇل ھەسەن بۇغراخانغا تەقدىم قىلىشى، ئەبۇل ھەسەننىڭ ئىلىم ئەھلىنى سۆيىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان ئادىل، ئەقىللىق، قابىلىيەتلىك ھۆكۈمدار بولغانلىقى، توغرۇل قاراخاننىڭ بولسا بىپەرۋا، راھەتپەرەس، ئىلىم ئەھلىگە ئانچە ئېتىبار بەرمەيدىغان ھۆكۈمدار بولغانلىقىدىن بولغان.

توغرۇل قاراخان مىلادىنىڭ 1074-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى توغرۇل تېكىن ئىككى ئاي خاقانلىق تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان ئەبۇل ھەسەن شەرقىي قاراخانىيلارغا 30 يىل، يەنى 1074-دىن 1103-گىچە چوڭ خاقان بولدى. مانا شۇ مەزگىلدە ئۇ ھارۇن بۇغراخان ئۇنۋانىدا ئاتالدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا دۆلەتنى ئەقىللىق، بىلىملىك، ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىك ئادەمنىڭ يېتەكچىلىكىدە قانۇن يەنى ئادالەتنى ئاساس قىلغان ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن تاشقىرى، قىلىچ يەنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق باشقۇرۇشنىمۇ ئوتتۇرىغا سۈرىدۇ.

قىلىچ بىلەن كەسكىن ياۋنىڭ بوينىنى،

قانۇن بىلەن تۈزسۇن ئەلى خەلقىنى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنى باشقۇرۇشقا ياخشى ئادەملەرنى قەدىرلەپ ئۇلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، يامان ئادەمنى دۆلەت ئىشىغا ئارىلاشتۇرماسلىقنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا دۆلەتنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ئەزىزلەپ ياخشىنى كۆتۈر يۇقىرى،


يامانغا بەرمە ئىش قىل ئەلدىن نېرى.

ئەگەر بەگ ياماننى يېقىن يۇلاتۇر،

ئۆز نامى ۋە دۆلەت ئىشى بۇزۇلۇر.

«قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى تارىخى، غايىۋى دۆلەت توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى، تىلىنى، دۆلەت تۈزۈلۈشىنى، ھەربىي تۈزۈمىنى، قانۇنچىلىقىنى، پەلسەپەۋى كۆز قاراشلىرىنى، قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك تەبىقىلەرگە قارىتا تۇتىدىغان سىياسەتلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسترونومىيە ئىلمىي بويىچە ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىنى تەتقىق قىلىشتا تېپىلغۇسىز ناھايىتى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئالەم سىستېمىسىدىكى جىسىملار توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنىڭ خېلى ئىلغارلىقىنى ئۇنىڭ ئاي توغرىسىدا بەرگەن بايانى ئىسپاتلايدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:

بۇلاردىن تۆۋەنرەكتە يالچۇق ئاي تۇرۇر،

قۇياشقا ئۇدۇل باقسا تولۇن ئاي بولۇر.

ئاي ئەۋۋەل تولىمۇ كىچىك تۇغۇلۇر،

كۈندىن كۈن چوڭىيىپ يۇقىرى چىقۇر.

تولۇپ ئاي ئېگىزگە ئۆرلىگەچ كېيىن،

كېمىيىپ ئاستا ئۆزىنى كېتەر يۈزىدىن.

يوقارقى ئاز ئازدىن يەنە يوقۇلۇر،

تۇغۇلۇپ كىچىك ئاي قايتىدىن تولۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئادالەت روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، شۇنداق قانۇن ئالدىدا دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەنى پادىشاھتىن تارتىپ قۇلغىچە باپباراۋەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئالىم «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى مۇسۇلمانلارغا خاس، ئىسلام دىنىغا ئۇيغۇن ھالدا ئاۋۋال مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلاپ، ماختاشقا تېگىشلىك يەنى زۇلجەلالنى مەدھىيەلەپ، سۈپەتلەپ بولغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆھپىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا دۇئالار بىلەن يازغان. بۇغراخانغا ھەم مەدھىيە سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئەدەبىيات گۈلزارىغا ۋە خەلققە قوشقان تۆھپىسىنىمۇ بايان قىلغان. قۇرئان كەرىمنىڭ، ئىنسانلارنىڭ بىر جۈملىسىنى يېزىش ياكى ئوخشىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەڭ ئاخىرقى سەمھاۋىي كىتاب ئىكەنلىكىنى ئېنىق شەرھلىگەن.

ئالىمنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلغان قۇتادغۇبىلىكنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى دۇنيادا تېخى تېپىلمىدى. ھازىر دۇنيادا ھېرات نۇسخىسى، پەرغانە نۇسخىسى ۋە مىسىر نۇسخىسى قاتارلىق ئۈچ خىل نۇسخىسى بار.

بۈيۈك مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەۋلادلارغا شۇنداق خىتاب قىلىدۇ:


«ھەي سۆيۈملۈك پەرزەنتىم، مەن سەن ئۈچۈن شۇنچە مۇشەققەت چېكىپ، ھاياتلىق ئۇلۇڭنى پۇختىلىۋېلىشىڭ ئۈچۈن، ئىش-ھەرىكىتىڭنىڭ ۋە يولۇڭنىڭ قانداق بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدىكى “قۇتادغۇبىلىك” ئەسىرىمنى مىراس قالدۇردۇم. ھەرقاچان يولۇڭدىن ئازماي ئاشۇ يول بىلەن ماڭغايسەن. بۇ دۇنيانى ئىزدىسەڭمۇ يول مۇشۇ، ئۇ دۇنيانى تىلىسەڭمۇ يول شۇ.»

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى شانلىق مەدەنىيەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئاتاقلىق نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مۇئەللىپى رەھمەتلىك يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ھىجرىيە 478-يىلى مىلادىيە 1085-يىلى 66 يېشىدا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى يەنى ئوردۇكەنت (قەشقەر)دە ۋاپات بولغان.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.