تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان

(»100 مەشھۇر ئۇيغۇر« ناملىق كىتابتىن)

بۈيۈك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولغان، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلاپ، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈن مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئېقىمىغا، شۇنداقلا پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانى، مۇبارەك زات، سىياسىيون، تالانلىق ھەربىي قوماندان غازى سۇتۇق بۇغراخان مىلادى 901-يىلى دۇنياغا كەلگەن.

سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلگە كۆل قاراخاننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، دادىسى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلگە كۆل قاراخاننىڭ چوڭ ئوغلى بازىر ئارسلانخاندۇر. بازىر ئارسلانخان ھىجرىيە 302- يەنى مىلادى 914-تىن 915-يىللىرى ۋاپات بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان تېخى 13-14 ياشلاردا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بازىرخان ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن، ئوغلى سۇتۇق بۇغراخاننى ئۆزىگە ۋەلى ئەھدى قىلىپ، ئىنىسى ئوغۇلچاقنى سۇتۇق بۇغراخان بالاغەتكە يەتكۈچە سۇتۇق بۇغراخانغا ۋەلى ئەھدى بولۇپ تۇرۇشقا ۋەسىيەت قىلىدۇ. ئوغۇلچاقخان ئاكىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، سۇتۇق بۇغراخاننى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ۋەلى ئەھدىسى، يەنى قانۇنلۇق تەخت ۋارىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ.

بازىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغۇلچاقخان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئانىسىنى نىكاھىغا ئالىدۇ. بۇ قەدىمكى تۈرك ئەنئەنىسىدە نورمال ئەھۋال ئىدى. ئەمما بىر مەزگىلدىن كېيىن ئوغۇلچاقخاننىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ۋەلى ئەھدىلىكىنى بىكار قىلىپ، ئورنىغا ئۆز ئوغلىنى ۋەلى ئەھدى قىلىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان ئىنتايىن ھوشيار ۋە ئەقىللىق بىر شاھزادە ئىدى. ئۇ ئۆگەي دادىسىنىڭ نىيىتىنى ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي سېزىپ قالىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوشنىسى سامانىيلار ئىسلام دۆلىتى ئىدى. مانا مۇشۇ سامانىيلار دۆلىتىدە 914-يىلىدىن 943-يىلىغىچە پادىشاھ بولغان ناسىر يەنى ناسىر ياكى سەئىد ناسىرنىڭ ۋاقتىدا سامانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلار تەبىقىسى ئىچىدە ئىچكى قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئامالسىز قالغان سامانىيلار دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانى، قاراخانىيلار دۆلىتىگە قېچىپ كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەيدۇ. ئوغۇلچاقخان ئۇ كىشىنى قوبۇل قىلىپ، پايتەخت قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاتۇشقا بىر مەسچىت سېلىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ. ئاتۇشتىكى بۇ مەسچىت قاراخانىيلار دۆلىتىدە ئەينى ۋاقىتتىكى تۇنجى ئىسلام مەسچىتى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتۇش، شاھزادە ئەبۇ ناسىر ئىبنى سۇلايماننىڭ غەيرەتلىرى، بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتەك شەھەرلەردىن كېلىپ كېتىۋاتقان مۇسۇلمان كارۋانلىرى، سودىگەرلەر سايىسىدا بىر تىجارەت مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. سۇتۇق بۇغراخانمۇ ئاتۇشنىڭ زىيارەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى.


ئۇيغۇر تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئەبۇ ناسىر سامانى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتۇشنىڭ ئارغۇ دېگەن يۇرتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلارغا ئوۋغا چىققان ياش شاھزادە سۇتۇق بۇغراخانغا يولۇقىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىككى شەخس ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانچە قويۇقلىشىدۇ. سۇتۇق بۇ جەرياندا مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇش ئەھۋالىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئىسلام دىنى توغرىلىق ئەبۇ ناسىر سامانىدىن سۇئال سورىغاندا، سامانى سۇتۇق بۇغراخانغا ئاللاھ تائالانىڭ توقسان توققۇز ئىسمى ۋە قۇرئان كەرىمدىكى سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ يەنە ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن، سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ، ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنى ئىكەنلىكىنى، ھەق دىن ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىدۇ. سۇتۇق ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ سۆزلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى، تۇققانلىرىغا ئوخشاش يېقىن كىشىلىرىدىن باشلاپ مەخپىي ھالدا ئىمان ئېيتقۇزۇپ، مۇسۇلمان قىلىشقا باشلايدۇ.

سامانىيلارنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ سۇتۇقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلىشى، ھەرگىزمۇ يەككە-يېگانە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقە ئەمەس. مىلادى سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېلا قىلىشقا باشلىغان. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىسلاملاشقاندىن باشلاپ، ئىسلام دىنى ئىككى يۈز نەچچە يىل جەريانىدا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قاراخانىيلار دۆلىتىگە كىرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋەرائۇننەھرنىڭ شىمالىدا سامانىيلار دۆلىتىنىڭ چېگراسىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە سودا ئالاقىلىرى شۇ جايلاردىكى تۈركلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. بۇ ئەھۋاللار قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن.

ئوغۇلچاقخان سۇتۇق بۇغراخان 919-يىلى 18 ياشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ قاراخانىيلار تەختىنى ئۇنىڭغا بوشىتىپ بەرمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى سېزىپ قالغان، ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي يول قويماسلىق ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت باشلىغان. بۇ جەرياندا سۇتۇق بۇغراخان بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئۆگەي دادىسى ئوغۇلچاقخاننىڭ ئىنساپقا كېلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن سۇتۇق ئاستا-ئاستا باشقا مۇسۇلمانلارنىمۇ ئۆزىگە تارتىشقا باشلىغان. چۈنكى ئۇ بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ ئەللىك نەپەر ئىشەنچلىك مۇھاپىزەتچىسى ۋە يېقىن كىشىلىرىگە خىزمەت ئىشلەپ مۇسۇلمان قىلىپ بولغان ئىدى. سۇتۇق بۇغراخان بەش-ئالتە ئاي ئىچىدە بەش-ئالتە يۈز كىشىلىك تولۇق قوراللانغان ياش مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇ كېيىن پەرغانە تەرەپلەردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ياردىمىنىمۇ قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئەسكەر سانىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە كۆپەيتىدۇ. ئۇ كېيىن ئۆگەي دادىسى ئوغۇلچاق بىلەن پەرغانىدا بولغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، ئاتبېشى قەلئەسىنى قولغا چۈشۈرىدۇ. سۇتۇق ئىنتايىن ئاز ئەسكەر بىلەن ئۆگەي دادىسى ئوغۇلچاقخانغا قارشى تۇنجى قېتىملىق ئۇرۇشتىلا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سانى قىسقا ۋاقىتتا ئۈچ مىڭ كىشىگە يېتىدۇ.


سۇتۇق بۇغراخان شۇنىڭدىن كېيىن پايتەخت قەشقەرنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ، شەھەر قەلئەسىنى ئىگىلەپ، ئوغۇلچاقتىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشنىڭ پىلانلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا باشلايدۇ. سۇتۇق بۇغراخان لەشكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ ئۇلارنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ، مەخپىي ھالدا قەشقەر شەھىرىگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەربىي ئورۇنلارغا، ھۆكۈمەت سارايلىرىغا ياكى دۆلەت كاتتىلىرىنىڭ ئۈستىگە كېچىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا بەلگىلەيدۇ. بۇ پىلان بويىچە ئالدى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان قىرىق نەچچە نەپەر مۇھاپىزەتچىسىنى ئېلىپ، مەخپىي ھالدا قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ، ئورداغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن ئۇدۇل ئۆگەي دادىسى ئوغۇلچاقخان ئۇخلاۋاتقان ئۆيگە بېسىپ كىرىپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ھۇجۇمدا سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ يىگىتلىرى بەزى تېكىن ۋە مەنسەپدارلارنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ ھەم ئەسىر ئالىدۇ. باشقا جايلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەيىنلەنگەن يىگىتلەرمۇ ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملايدۇ. شۇنداق قىلىپ سۇتۇق بۇغراخان بىر كېچە ئىچىدە قەشقەر شەھىرىنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا قەشقەر شەھىرىدىمۇ يوشۇرۇنچە مۇسۇلمان بولغان كىشىلەر خېلىلا كۆپ ئىدى. ئۇلار ئەتىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، تەرەپ-تەرەپتىن ياردەمگە كېلىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان ئىككى-ئۈچ كۈن ئىچىدە يېتەرلىك كۈچكە ئىگە بولىدۇ. قاراخانىيلارنىڭ تېكىن، مەنسەپدارلىرىدىن تارتىپ ئاددىي خەلققىچە ھەممە كىشى دېگۈدەك، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى بازىرخاننىڭ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانى ئىكەنلىكىنى، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۇنىڭ ئوغلى بولۇپ دۆلەتنىڭ تەخت ۋارىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئانچە قالايمىقانچىلىق بولمايلا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

سۇتۇق بۇغراخان مىلادى 920-يىلى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قەشقەر شەھىرىدە ئون مىڭلىغان خەلقنىڭ ئالدىدا دەبدەبىلىك تاج كىيىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان بۇ ۋاقىتتا 19 ياشتا ئىدى. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانى بولغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ۋە قەھرىمانلىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان، يەنى بۇغراخان ئۇنۋانىنى قوللىنىدۇ. ئۇ خاقانلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە ئىسلام دىنىنى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئىچىدە شامان، بۇددا، زارائۇسترا، مانىي، خرىستىيان قاتارلىق كۆپلىگەن دىنلار تەڭ مەۋجۇت ئىدى. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، ئېتىقادىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلىشىگە ئاساس سالىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان ئېلىپ بارغان بۇ ئالەمشۇمۇل ئىسلاھاتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن تۈركلەرنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان پادىشاھى بولۇپ دۇنيا تارىخىغا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا مۇبارەك ئىسمى يېزىلىدۇ. قاراخانىيلار دۆلىتىمۇ ئۇيغۇرلار قۇرغان تۇنجى مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىخىدا شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدا شانلىق يېرىنى ئالىدۇ.


سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى.

920-يىلى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانى بولۇپ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلىغاندىن كېيىن، خوتەن، كۇچا خانلىق ۋە ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئىسيان كۆتۈرۈپ قاراخانىيلار دۆلىتىدىن ئايرىم چىقىدۇ. ئۇلار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوڭ دادىسى بىلگە كۆل قاراخاننىڭ ۋاقتىدا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. بۇلاردىن باشقا ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدىكى شامان، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئىسيان كۆتەرگەن. مانا مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋال يۈز بەرگەندە، سۇتۇق بۇغراخان ناھايىتى سالماقلىق بىلەن ئىسياننى باستۇرۇشقا كىرىشكەن. ئۇ ئۆزى ئىسلام قوشۇنىغا باش بولۇپ، ئالدى بىلەن خوتەنگە يۈرۈش قىلغان. ئۇ قاتتىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن خوتەن خانىنى مەغلۇپ قىلىپ، شەھەرنى قورشىۋالغان. شەھەر ئىچىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ماسلىشىپ ياردەم بېرىشى ئارقىلىق شەھەر ئوڭۇشلۇق ئېلىنغان. سۇتۇق بۇغراخان خوتەننى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كۇچادىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرۈش قىلغان. شۇ چاغدا ھىندىستاندىن قالسىلا بۇددا دىنىنىڭ ئىككىنچى مەركىزى دەپ ئاتالغان كۇچا ناھايىتى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى مەغلۇپ بولغان.

بۇددىست ئۇيغۇر خانلىقلىرى ئىچىدە كۇچا باي، مەدەنىيەتلىك، كۈچلۈك خانلىق ئىدى. ئۇنىڭ تېررىتورىيەسىگە ھازىرقى كۇچا، بۈگۈر، شايار، باي، ئاقسۇ، توقسۇ ناھىيەلىرى كىرەتتى. كۇچانى مەركەز قىلغان كۇچا خانلىقى جەنۇبتا خوتەن بىلەن، غەربتە قەشقەر بىلەن يەنى مارالبېشىدىكى تۇمشۇق چېگرا قىلىنغان. شەرقتە قارا شەھەر بىلەن چېگراداش بولۇپ، شىمالدا تەڭرىتېغىغا يانداشقان. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ شۇ قېتىمقى يۈرۈشلىرىدە خوتەن بىلەن كۇچا بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىق ئاھالىسى مۇسۇلمان بولماي بۇددا دىنى ئېتىقادىدا قالغان. سۇتۇق بۇغراخان خوتەن بىلەن كۇچاغا قىلىنغان يۈرۈشلىرىدىن قايتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى بويسۇندۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قاراخانىيلار قوشۇنلىرىنى ئىككى يۆنىلىش بويىچە، شىمال يەنى ئىلى تەرەپ ۋە جەنۇب يەنى قارا شەھەر تەرەپتىن ئاتلاندۇرغان. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىققان قاراخانىيلار قوشۇنلىرى بىر قانچە قېتىملىق قاتتىق ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئىدىقۇت بۇددىستلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. لېكىن ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار بۇددا ئېتىقادىدا قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار دۆلىتىگە بويسۇنغان.


ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى قايتىدىن بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئوغلى ئەبۇل فەتتاھ ناھايىتى باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە بولغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا، يەنى ئالىپ تېكىن، يەنى قەھرىمان شاھزادە ئۇنۋانىنى بەرگەن. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئېلىپ بارغان مۇشۇ بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش ئۇ خاقان بولغان 920-يىلىدىن باشلاپ، 935-تىن 940-يىللارغىچە بولغان 15 يىلدىن 20 يىلغىچە توختاۋسىز داۋاملاشقان.

سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانى بولغاندىن باشلاپ، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تارىخىدا مەدەنىيەت گۈللەلگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان. بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك، باي بىر دۆلەت سۈپىتىدە جاھانغا تونۇلغان. كۆمۈر، مىس، ئالتۇن، قوغۇشۇن كانلىرى ئېچىلغان. كۇچا، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە خوتەن بازارلىرىدا ئالتۇن ۋە مىستىن ياسالغان ئەشيالار سېتىلغان ۋە ھەر يىلى يەرمەنكىلەر ئېچىلىپ تۇرغان. خوتەننىڭ قاراقاش ۋە يۇرۇڭقاش دەريالىرىدىن ھەر خىل قاشتېشى ۋە زۇمرەت قاتارلىق قىممەتلىك تاشلار چىقىرىلىپ ئىشلەنگەن، يىپەك يولى جانلانغان، سودا-سېتىق تىجارەت تەرەققىي قىلغان. سۇتۇق بۇغراخان دۆلەتنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، خەلقنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشنى ئالدى بىلەن قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، ئىلى، بالاساغۇن، بارسغان يەنى ئىسسىقكۆل ئەتراپى قاتارلىق جايلاردىن باشلىغان. قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قەشقەرگە ماۋەرائۇننەھر، خۇراسان، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن ئىسلام ئالىملىرى كەلگەن. مانا بۇ ئىسلام ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا يەنى ئابدۇكېرىم دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تولۇق ئىسمى ئابدۇكېرىم سۇتۇق بۇغراخان بولغان.

سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە، يەنى مىلادى 920-يىلىدىن 956-يىلغىچە قۇيدۇرۇلغان تىللا، پۇللاردا يەنى قاراخان سۇتۇق ئابدۇلكېرىم دېگەن خەتلەر بار. بۇنداق تىللا، پۇللار ھازىر لېنىنگراد مۇزېيىدا ساقلانماقتا. سۇتۇق بۇغراخان مىلادى 920-يىلى يەنى 19 يېشىغا كىرگەندىن تارتىپ، 956-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 35 يىل خاقان بولغان. ئابدۇكېرىم سۇتۇق بۇغراخان ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، ئوغۇللىرىنى ۋە ئەبۇ ناسىرنىڭ ئوغلى ئالىپ تېكىن، يەنى ئەبۇل فەتتاھنى يېنىغا چاقىرىپ، ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ.


بۈيۈك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خانلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولغان، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلاپ، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈن مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئېقىمىغا، شۇنداقلا پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانى سىياسىيون، تالانلىق ھەربىي قوماندان، مۇبارەك زات مەرحۇم غازى ئابدۇلكېرىم سۇتۇق بۇغراخان ھىجرىيە 344-يىلى، مىلادى 956-يىلى قاراخانىيلار ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى قەشقەردە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 55 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

ئابدۇكېرىم سۇتۇق بۇغراخاننىڭ جىنازە نامىزىغا ھۆكۈمدارلار، كۆپلىگەن ۋەزىرلەر، دۆلەت بۈيۈكلىرى، 7000 ئىسلام ئالىمى، 22000 غازى ۋە خەلقتىن 15000 ئادەم بولۇپ، 45000 ئەتراپىدا جامائەت قاتنىشىدۇ. ئابدۇكېرىم سۇتۇق بۇغراخان ئاتۇش مەشھەتتىكى ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ قەبرىگاھىنىڭ يېنىغا، يەنى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خان جەمەتى مازارلىقى بولغان، يەنى گۈمبەز تۇل خاقانىيە ناملىق مازارلىققا دەپنە قىلىنىدۇ. بۇ يەر يەنى شېھىت ماكانى يەنى مەشھەد دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەردە ھازىرمۇ يەنى ھەز سۇلتان يەنى ھەز سۇلتانۇم دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرى بار. يەنى ھەز سۇلتان دېگەن سۆز، يەنى ھەزرىتى سۇلتان دېگەن سۆزنىڭ جانلىق تىلدا ئېيتىلىشى بولۇپ، يەنى ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. يەنى سۇلتان دېگەن سۆز ئەرەبچە، يەنى سەلتەنەت ئىگىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، سۇتۇق بۇغراخان نامىغا ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن.

سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان. ئالەمشۇمۇل بىر مۇبارەك زات بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى، ئەخلاقى، جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا، گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ئۇنىڭ ھەققىدىكى قوشاقلار ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

ئاتۇش دېگەن ئوبدان يۇرت، دۈشەنبە بازىرى بار.

غېرىپلارنى قوللايدۇ، ھەز سۇلتان مازىرى بار.

ھەز سۇلتاندا تۇغ ئەلەم، قولىدا قىلىچ قەلەم.

يىغىلمانلار ياش بالا، ئۆتۈپ كېتىدۇ ئەلەم.

ئابدۇلكېرىم سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ئۈچۈن ئۆمرىنى ئات ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن. قاراخانىيلار دۆلىتىنى دۇنيادىكى قۇدرەتلىك بىر ئىسلام دۆلىتىگە ئايلاندۇرغان. ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ-ياشناپ شانلىق بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇشى ئۈچۈن كەڭ شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ئۇ تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا تۈركلەرنىڭ تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولغان تۈرك خاقانى بولۇپ، كۆپلىگەن تۈرك مىللەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغان. ئابدۇلكېرىم سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى نەتىجىسىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە مىليون بەش يۈز مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كەڭرى زېمىن ئىسلام تۇپرىقىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام تارىخىدا، تۈرك دۇنياسى تارىخىدا، شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدا ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى ھەم ئىنتايىن مۇھىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەتتا سۇتۇق بۇغراخان ھەققىدە، يەنى سۇتۇق بۇغراخان داستانى بارلىققا كەلگەن.


ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بايتاش، يەنى مۇسۇلمانچە ئىسمى مۇسا، تۇڭا ئىلىك، يەنى مۇسۇلمانچە ئىسمى سۇلايمان ئاتلىق ئىككى ئوغلى بولغان دەپ يېزىلغان. تۈركچە مەنبەلەردە ئابدۇكېرىم سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تۆت ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز، جەمئىي يەتتە پەرزەنتى بولۇپ، ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى بۇغرا ھەسەنخان، ھۈسەيىن بۇغراخان، يۈسۈپ قادىرخان، تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئېنىق ئەمەس. قىزلىرى نەسەپ تۈركان، ھەدىيە تۈركان ۋە ئەلانۇردۇر دەپ يېزىلغان. سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا بۇغراخان 956-يىلى قاراخانىيلار ئىسلام دۆلىتىگە خاقان بولىدۇ.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.