2-قىسىم: ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدىن زەيدكەچە (11–20-ساھابىلەر)
بىر ئەتىگىنى قۇرەيشلەر چۆچۈشۈپ ئوپۇر ـ توپۇر بولۇشۇپ كېتىشتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ يۇرت مەھەللىلىرىنىڭ ھەممە يېرىدە: «مۇھەممەد كېچىسى مەككىدىن چىقىپ كېتىپتۇ!» دېگەن خەۋەر تارقالغان ئىدى، لېكىن قۇرەيشلەرنىڭ كاتتىلىرى بۇنىڭغا ئىشەنگىسى كەلمىدى، ئۇلار بەنى ھاشىم جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ۋە مۇھەممەدنىڭ بارلىق دوستلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇردى. ئاختۇرۇش ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئۆيدە ئەسما بار ئىدى، ئۇنىڭدىن:
- ئاتاڭ قېنى؟- دەپ سوراشتى. ئۇ:
-بىلمەيمەن! -دەپ جاۋاب بېرىشى بىلەنلا ئەبۇ جەھل ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ تەستىكىگە بىرنى سالدى، تاياق زەربىسىدىن سىلكىنىپ كەتكەچكە ھەتتا ئۇنىڭ قۇلىقىدىكى ھالقىسىمۇ چۈشۈپ كەتتى. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تاپالمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن مەككىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىگە ئىشەندى. لېكىن بۇ ئىشىنىش ئۇلارنىڭ تەرسالىقىنى تېخىمۇ بەك ئاشۇردى. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭغان يولىنى ئىز ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەملەرنى تەشكىل قىلدى ھەم ئىزچىلار بىلەن بىللە ئۇلارمۇ چىقتى. ئۇلار سەۋرى غارىغا كەلگەندە ئىزچىلار:
- بۇ ئادەم بۇ غاردىن تېخى ئۆتۈپ كەتمەپتۇ،- دېيىشتى.
ئۇلار خاتالاشمىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، دوستى ئەبۇ بەكرى بىلەن بۇ غارغا يوشۇرنىۋالغان ئىدى. قۇرەيشلەر غارنىڭ ئېغىزى ئالدىدا ئۇياقتىن ـ بۇياققا ماڭاتتى، بۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئەبۇ بەكرىنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇھەببەت، كۆيۈنۈش ۋە ئېچىنىش نەزىرى بىلەن قارىدى، ئەبۇ بەكرى:
-
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئەندىشە قىلمىدىم، پەقەت ساڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسىكەن، دەپ يىغلىدىم،- دەپ پىچىرلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەمكىن ھالدا:
-
ئى ئەبۇ بەكرى! سەن غەم قىلما! ئاللاھ بىز بىلەن بىللىدۇر! - دېدى.
ئاللاھ ئەبۇ بەكرىگە خاتىرجەملىكنى چۈشۈردى، ئۇ غار ئالدىدا ئۇياق ـ بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ پۇتلىرىغا قارايتتى ۋە:
-
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەگەر ئۇلاردىن بىرەرسى پۇتىنىڭ ئاستى تەرىپىگە قارىسىلا ئىككىمىزنى كۆرۈۋالىدۇ، - دېگىنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
ئىككىمىزدىن ئۈچىنچىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە قانداق قارايسەن؟- دېدى. ئۇلار غار ئۈستىدىكى بىر ياشنىڭ:
-
يۈرۈڭلار! غار ئىچىگە قاراپ باقايلى، - دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى، بۇ چاغدا ئۇممەييە ئىبنى خەلەف مەسخىرلىك ھالدا:
-
غار ئىشىكىدە تور تارتقان ئۆمۈچۈكنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئۆمۈچۈك مۇھەممەد تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنمۇ بار ئىكەن،- دېدى. ئەبۇ جەھل:
-
لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنى بىزگە يېقىن بىر جايدا سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ، ھەرىكەتلىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرامدىكىن، دەپ گۇمان قىلىمەن، لېكىن ئۇنىڭ سېھرى بىزنىڭ كۆزلىرىمىزنى پەردىلىۋالدى،- دېدى.
قۇرەيشلەر مۇھەممەدنى ئىزدەشتىن بولدى قىلمىدى، ئۇلار مەككە بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدىكى يول بويىدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرگە: «كىمكى مۇھەممەدنى تىرىك ياكى ئۆلۈك ھالدا تېپىپ كەلسە ئۇنىڭغا ئېسىل تۆگىلەردىن 100 دانە تۆگە مۇكاپات بېرىمىز!» دەپ جاكارلىدى.
سۇراقە ئىبنى مالىك مەككىگە يېقىن جايدىكى“قۇدەيد” قەبىلىسىدىن بولۇپ ئۇ قوۋمىنىڭ بىر يىغىلىشىدا ئولتۇراتتى، قۇرەيشلەرنىڭ جاكارچىسى بۇ يەرگە كېلىپ بۇ ئېلاننى جاكارلىدى، بۇنى ئاڭلىغان سۇراقە تۆگىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاش بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە بولغان قىزىقىشى كۈچەيدى، لېكىن ئۇ بۇنى باشقىلار تۇيۇپ قالمىسۇن، دەپ ئېغىز ئاچماي ئولتۇرۋالدى.
سۇراقە بۇ يەردىن تېخى قوزغالماي تۇرۇپلا ئۇنىڭ قوۋمىدىن بىر ئادەم بۇ يەرگە كېلىپ:
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يېنىمدىن ئۈچ ئادەم ئۆتتى، مەن ئۇلارنى مۇھەممەد، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇلارنىڭ يول باشلىغۇچىسىمىكىن، دەپ گۇمان قىلىمەن، - دېدى. سۇراقە:
-
بەلكىم ئۇلار تۆگىسىنى ئىزدەپ چىققان پالانىلار بولۇشى مۇمكىن،- دېۋېدى، ھېلىقى ئادەم: «بەلكىم شۇنداقتۇ» دەپ قويۇپ باشقا گەپ قىلمىدى.
سۇراقە ئۆزى بۇ سورۇندىن دەرھال چىقىپ كەتسە بىرەرىنىڭ گۇمانىنىڭ قوزغىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردە بىر ئاز ئولتۇردى، ئاندىن ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغان ھالدا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ دەرھال ئۆيىگە كەلدى ۋە خىزمەتكارىغا كىشىلەرگە تۇيدۇرماي ئاتنى تەييارلاپ ئۇنى جىلغىنىڭ ئوتتۇرىغا باغلاپ قورالىنى ئاتقا يېقىن جايغا قويۇپ قويۇشقا بۇيرۇدى.
سۇراقە ساۋۇتىنى كىيىپ، قورالىنى ئېسىپ، ئېتىغا مىندى، مۇھەممەدنى باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن تۇتىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.
سۇراقە قەۋمىدىكى ساناقلىق چەۋەندازلارنىڭ بىرى بولۇپ، قەددى قامەتلىك، بويى ئېگىزلىكى بىلەن تونۇلغان، سەپەرگە چىداملىق ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە ئەقىللىق، زېرەك شائىر بولۇپ، مىنىدىغان ئېتىمۇ نەسىللىك ئېسىل ئاتلاردىن ئىدى.
سۇراقە يولنى قاتلاپ ماڭدى، لېكىن ئارىدىن ئۇزاق ماڭمايلا ئېتى مۈدۈرۈلۈپ كېتىپ ئۇ يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ بۇ ئىشتىن شۇم پال ئېلىپ: بۇ زادى نېمە ئىش؟ ھۇ ئۆلگۈر ئات! دەپ ئېتىغا يەنە مىنىپ يولىغا راۋان بولدى، لېكىن ئارىدىن بىر ئاز ئۆتۈپ ئېتى يەنە بىر مۆدۈرلۈپ ئۇ يەنە يىقىلىپ چۈشتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە گۇمان تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە ئارقىغا قايتماقچىمۇ بولدى، لېكىن يۈز تۆگىگە ئېرىشىش ئىشتىياقى ئۇنى يەنە ئالدىغا مېڭىشقا ئۈندىدى.
سۇراقە ئېتىدىن ئىككىنچى قېتىم يىقىلغان يېرىدىن ئۇزاق ماڭمايلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ دوستىنى كۆردى. ئۇ ئوقياسىغا قولىنى ئۇزاتتى ـ يۇ قولى قېتىپلا قالدى، چۈنكى ئۇ ئېتىنىڭ تۇياقلىرىنىڭ زېمىنغا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئالدىنى توپا ـ چاڭ توسۇۋالغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئېتىنى دېۋىتتى، لېكىن ئات يەرگە مىخلىنىپ كەتكەندەك قىمىر قىلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ دوستىغا قاراپ:
-
ئى ئىككى ئادەم! سىلەر ئېتىمنىڭ پۇتلىرىنى قويۇۋېتىش ھەققىدە پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلساڭلار، مەن سىلەرگە چىقىلماي! - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلىۋىدى ئاللاھ ئۇنىڭ ئېتىنىڭ پۇتىنى قويۇۋەتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئاچ كۆزلۈكى يەنە قوزغىلىپ ئاتنى ئۇلار تەرەپكە چاپتۇردى، ئەمما ئاتنىڭ پۇتلىرى بولسا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك چوڭقۇر پېتىپ كەتتى، سۇراقە يالۋۇرۇپ:
-
نەرسىلىرىم ۋە قوراللىرىم سىلەرنىڭ بولسۇن! مەن ئارقامدىكىلەرنى قايتۇرۇپ ئەكېتىشكە ۋەدە بېرەي! - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
بىزگە ئۇ نەرسىلىرىڭنىڭ كېرىكى يوق، لېكىن سەن كىشىلەرنى بىزدىن قايتۇر! - دېدى، ئاندىن ئۇنىڭ ئېتىنىڭ مېڭىشىغا دۇئا قىلدى، ئېتى ماڭدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولىغا راۋان بولماقچى بولغاندا سۇراقە ئۇلارغا:
-
ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەندىن سىلەرگە زىيان يەتمەيدۇ،- دېدى.
-
سەن بىزدىن نېمە تەلەپ قىلماقچى؟ - دەپ سورىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى مۇھەممەد! ماڭا ئىشەن، سېنىڭ دىنىڭ كەلگۈسىدە ئاشكارىلىنىپ، ئىشلىرىڭ يۈكسىلىدۇ، ناۋادا مەن سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا بارسام مېنى ھۆرمەتلەشكە ۋەدە بەر! ۋە بۇ توغرىسىدا ماڭا خەت يېزىپ بەر! - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇپ بىر سۆڭەك تاختايغا خەت يېزىپ بەردى ۋە قايتقىلىۋاتقاندا سۇراقەگە:
-
ئى سۇراقە! ئەگەر سەن كىسرانىڭ بىلەيزۈكىنى تاقىساڭ قانداق قىلارسەن،- دېدى.
-
كىسرا ئىبنى ھورمۇزما؟ - دەپ سورىدى سۇراقە ھەيران بولۇپ.
-
ھەئە! كىسرا ئىبنى ھورمۇز،- دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
سۇراقە قايتتى. ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ ماڭغان كىشىلەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا:
- قايتىڭلار! مەن ئۇنى ئىزدەپ ھەممە يەرنى قېزىۋەتتىم، مېنىڭ ئىز ئىزدىگۈچى ئىكەنلىكىمنى سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر،- دېدى. شۇنىڭ بىلەن باشقا كىشىلەرمۇ قايتىشتى.
سۇراقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە زېمىنىدىن ساق ـ سالامەت قۇتۇلۇپ مەدىنىگە يېتىپ بارغانغا قەدەر، ئۆزى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ دوستى بىلەن بولغان ئىشلارنى ئاشكارىلىمىدى. كېيىن ئۇ بۇ ئىشلارنى سۆزلىگەندە ئەبۇ جەھل سۇراقەنىڭ قورقۇنچاقلىقىغا، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىغا مالامەت قىلدى، سۇراقە ئۇنىڭغا:
- ئى ئەبۇ ھەكەم! ئەگەر سەن ئاتنىڭ پۇتلىرىنىڭ يەرگە قانداق پېتىپ كېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، مۇھەممەدنىڭ ھەقىقەتەن ئىسپات بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شەك قىلمايتتىڭ، ئاشۇنداق ۋاقىتتا كىممۇ ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالىسۇن؟- دېگەنىدى.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەردى. قاراڭغۇ كېچىدە مۇساپىر شەكلىدە قېچىپ چىققان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئەمدىلىكتە بولسا مەككىنى فەتىھ قىلغۇچى قوشۇننىڭ رەھبىرى بولۇپ قايتىپ كەلدى. ئۇنى قىلىچ ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان نەچچە مىڭ قوشۇن قوغداپ ماڭغان ئىدى. ئەينى چاغلاردا ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنلىك ۋە زومىگەرلىك بىلەن زېمىنغا پاتماي قالغان قۇرەيش كاتتىلىرى قورقۇپ تىترىگەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭدىن ئەمىنلىك سورۇشۇپ، مەغلۇپ ھالدا كېلىشمەكتە ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:
-
بىزنى قانداق جازالايسەن؟ - دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرگە خاس كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۇلارغا:
-
بېرىڭلار، سىلەر ئەركىن سىلەر! - دېدى. بۇ ۋاقىتتا سۇراقە تەييارلانغان ئېتىغا مىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن كەلدى. ئۇ ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا يېزىپ بەرگەن ئەھدىنامىنىمۇ بىللە ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇ بۇ ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
-
مەن جىئرانغا چۈشكۈن قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلدىم، ئەنسارىلاردىن تەشكىللەنگەن مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ئىچىگە كىردىم. ئۇلار مېنى نەيزىلىرىنىڭ دەستىلىرى بىلەن ئىتتىرىپ: «نېمە قىلماقچى سەن؟ يىراق تۇر، يىراق تۇر!» دەيتتى، مەن ئۇلارنىڭ توسقان نەيزىلىرىگە پەرۋا قىلماي سەپ يېرىپ ئۇدۇل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم، بۇ چاغدا ئۇ تۆگىسىنىڭ ئۈستىدە ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سۇراقە بولىمەن، بۇ سېنىڭ ماڭا يېزىپ بەرگەن خېتىڭ» دېدىم، ئۇ: «ئى سۇراقە! كەل، يېقىن كەل! بۈگۈن بولسا ۋەدىگە ۋاپا قىلىنىدىغان، ياخشىلىق قىلىنىدىغان كۈن» دېدى. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىسلامغا كىرگەنلىكىمنى ئاشكارىلىدىم، مەن ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا ۋە خەيرىيىتىگە ئېرىشتىم.
سۇراقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ ئارىدىن بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتۈپلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغا سۇراقە قاتتىق قايغۇردى.
ئۇ ئەينى چاغدا يۈز تۆگىنى دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى، ئەمدى بولسا پۈتۈن دۇنيادىكى تۆگىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىممىتى ئالدىدا ئۇنىڭ ئېلىۋەتكەن تىرنىقىچىلىك ئەمەسلىكىنى ئەسلىدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەينى چاغدا: «ئى سۇراقە! ئەگەر سەن كىسرانىڭ بىلەيزۈكىنى تاقىساڭ قانداق قىلارسەن؟» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەندى.
كۈنلەر ئۆتۈۋەردى، مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىلىكى ئەبۇ بەكرىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ قولىغا ئۆتتى، ئۇنىڭ قوشۇنلىرى پارس زېمىنىغا خۇددى كەلكۈندەك بېسىپ كىردى ۋە ئۇلارنىڭ قورغان ـ ئىستىھكاملىرىنى پاچاقلاپ، شاھلىق تەختىلىرىنى گۇمران قىلدى، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ۋەھشىي ئىنسانلارنىڭ سەلتەنەتلىرى ئۆرۈلۈپ نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى ئالدى.
ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسنىڭ ئەلچىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسىگە غەلىبە خۇشالىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەدىنىگە كەلدى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ خەزىنىسىگە ئۇرۇشتا ئېلىنغان غەنىمەتلەرنىڭ بەشتىن بىرىنى بىرگە ئالغاچ كەلگەن ئىدى. غەنىمەتلەر ئۆمەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغاندا ئۇ ئەجەبلەنگەن ھالدا ئۇ نەرسىلەرگە قارىدى، چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە كىسرانىڭ مەرۋايىت تاشلار بىلەن زىننەتلەنگەن تاجى، ئالتۇن يىپلار بىلەن كەشتىلەنگەن كىيىم ـ كېچەكلىرى، ئېسىل تاش ۋە جەۋھەرلىرى ئورنۇتۇلغان بەلبىغى، ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان شەكىلدىكى بىر جۈپ بىلەيزۈكى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ساناپ بولغۇسىز ئېسىل نەرسىلەر بار ئىدى.
ئۆمەر(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بۇ نەرسىلەرنى ھاسىسى بىلەن ئۇياق ـ بۇياققا ئۆرۈپ ـ چۆرۈپ بېقىپ ئەتراپىدىكىلەرگە:
-
بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىغانلار دىيانەتلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەملەر ئىكەن، - دېدى. بۇ چاغدا ئەلى(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!):
-
ئى مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى! سەن پاك بولغاچقا پۇخرالىرىڭمۇ پاك ديىانەتلىك، ئەگەر سەن چىرىكلەشكەن بولساڭ، ئۇلارمۇ چىرىكلەشكەن بولاتتى، - دېدى.
ئۆمەر سۇراقەنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا كىسرانىڭ كۆينىكىنى، ئىشتىنىنى، تونىنى ۋە ئۆتىگىنى كىيدۈرۈپ، قىلىچى بىلەن ئېسىل بەلبىغىنى ئېسىپ قويدى، بېشىغا بولسا ئۇنىڭ ئالتۇن تاجىنى تاقىدى، قوللىرىغا ئۇنىڭ ئىككى بىلەيزۈكىنى تاقىدى، بۇ چاغدا مۇسۇلمانلار: «ئاللاھ ئەكبەر! ئاللاھ ئەكبەر!» دەپ تەكبىر ئېيتىپ كېتىشتى. بۇ چاغدا ئۆمەر سۇراقەنىڭ بۇ سۆلىتىگە قاراپ:
- پاھ، پاھ! بېشىدا كىسرانىڭ تاجى، قولىدا ئۇنىڭ بىلەيزۈكى بولغان مەدلەج قەبىلىسىدىكى ئەرەب، - دېدى. ئاندىن ئاسمانغا قاراپ، - ئى ئاللاھ! سەن بۇ ماللارنى پەيغەمبىرىڭگە بەرمىدىڭ، ئۇ ساڭا مەندىن سۆيۈملۈك ۋە ھۆرمەتلىك ئىدى، ئەبۇ بەكرىگىمۇ بەرمىدىڭ، ئۇ مەندىن سۆيۈملۈك ۋە ھۆرمەتلىك ئىدى، ئۇنى بولسا ماڭا بەردىڭ، مەن سېنىڭ بۇ نەرسىلەرنى مېنى جازالاش ئۈچۈن بەرگەن بولۇشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن!… - دېدى. ئاندىن شۇ سورۇن تارقىماي تۇرۇپلا غەنىمەتلەرنى مۇسۇلمانلارغا تەقسىم قىلىپ بەردى.
ئابدۇللاھ ئىبنى سالام
بۆلۈم: “ئابدۇللاھ ئىبنى سالام”جەننىتى كىشىلەرگە قاراپ خۇرسەن بولماقچى بولغانلار ئابدۇللاھ ئىبنى سالامغا قارىسۇن!
-ساھابىلەر
ھۈسەن ئىبنى سالام ئەينى چاغلاردىكى مەدىنىنىڭ كاتتىلىرىدىن ئىدى. مەدىنىدىكى ھەر خىل دىن ئەھلى ئۇنى كىشىلەر ئىچىدە تەقۋا، سالىھ، پەرزكارلىقى بىلەن تونۇلغان سەمىمىي ئادەم، دەپ ھۆرمەتلەيتتى.
ھۈسەيىن ئىنتايىن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەتتى، لېكىن ئۇ ۋاقتىنى ھەرگىزمۇ بىكار ئۆتكۈزۋەتمەيتتى. ئۇ ۋاقتىنى ئۈچكە بۆلگەن بولۇپ ئۇنىڭ بىر بۆلىكىنى چىركاۋىدا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن، ئىككىنچى بىر بۆلىكىنى خورمىلىق بېغىنى پەرۋىش قىلىش ئىشلىرى ئۈچۈن، ئۈچىنچى بىر بۆلىكىنى دىننى چۈشىنىش ئۈچۈن تەۋرات بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكۈزەتتى.
ئۇ ھەر قېتىم تەۋراتنى ئوقۇپ بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقىسى بولغان، مەككىدىن چىقىدىغان پەيغەمبەرنىڭ بېشارىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىگە كەلگەندە ئۇزاق ـ ئۇزاق توختايتتى ۋە بۇ كەلگۈسىدىكى پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتلىرى، ئالامەتلىرى توغرىسىدىكى بايانلارنى قايتا ـ قايتا ئوقۇيتتى. كىتابتا خەۋەر بېرىلگەن پەيغەمبەرنىڭ ئۆز يۇرتىدىن مەدىنىگە كېلىدىغانلىقىدىن ھەم بۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنەتتى. ئۇ ھەر قېتىم بۇ ھەقتىكى مەزمونلارنى ئوقۇسا ياكى بۇ مەزمونلار ئۇنىڭ خىيالىغا كەچسىلا ئۇ ئاشۇ پەيغەمبەرنى كۆرەلىشى، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئىمان ئېيتقۇچىلارنىڭ ئەۋەلقىسى بولۇشى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھ دىن بۇنى تىلەيتتى.
ئاللاھ ھۈسەيىن ئىبنى سالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆمرىنى ھەتتا توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنغۇچىلار ئۈچۈن رەھمەت ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرنىڭ كېلىشىگىچە ئۇزۇن قىلدى. ھەمدە ئۇنى بۇ پەيغەمبەر بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش، ئۇ ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن ھەق دىن بىلەن شەرەپلىنىشكە مۇيەسسەر قىلدى.
بىز ئۇنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىش جەريانىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلايلى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى، نەسەبىنى، سۈپەتلىرىنى، كەلگەن ۋاقتى ۋە ئورنىنى سۈرۈشتۈردۈم ھەمدە ئاڭلىغانلىرىمنى تەۋراتتا بايان قىلىنغان سۈپەتلەر ۋە ئۇ توغرىسىدا بېرىلگەن بېشارەتلەر بىلەن سېلىشتۇردۇم. ئاخىردا مەن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، كىتابلاردا ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن پەيغەمبەرنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم، لېكىن مەن بۇلارنى يەھۇدىيلاردىن يوشۇردۇم ۋە بۇ ھەقتە ھېچبىر سۆز قىلمىدىم. بۇ ئەھۋال ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەككىدىن ئېلىپ چىقىپ مەدىنىگە ئېلىپ كەلگۈچە شۇ بويىچە داۋاملاشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە يېتىپ كېلىپ قۇبا كەنتىگە كېلىپ چۈشكەندە بىزنىڭ يېنىمىزغا بىر ئادەم كېلىپ، بىر پەيغەمبەرنىڭ بۇ يەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ چاغدا مەن خورما دەرىخى ئۈستىدە ئىشلەۋاتاتتىم. مېنىڭ ھاممام خالىدە بىنتى ھارىس دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇراتتى. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ئۆزۈمنى تۇتالماي:
-ئاللاھ بۈيۈكتۇر!… ئاللاھ ھەممىدىن بەك بۈيۈكتۇر! - دەپ توۋلاپ كەتتىم. ھاممام مېنىڭ تەكبىر ئېيتقانلىقىمنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كېتىپ:
-ئاللاھ سېنى زىيانكارلار ئىچىدە قىلسۇن! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سەن مۇسا ئىبنى ئىمراننىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولساڭمۇ بۇنچىلىك قىلىپ كەتمەستىڭ! - دېدى ھاممام.
-
ئى ھامما! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! بۇ پەيغەمبەر مۇسا ئىبنى ئىمراننىڭ قېرىندىشى، شۇنداقلا ئۇ ئىككىسى بىر دىندا، بۇ پەيغەمبەرمۇ مۇسا ئەۋەتىلگەن ھەق بىلەن ئەۋەتىلگەن!…- دېدىم.
-
سىلەر ھەمىشە بىزگە: ئۆزىدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنى تەستىقلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ ئەۋەتىلىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىدىغان پەيغەمبەر مۇشۇمۇ؟- دەپ سورىدى.
-
ھەئە! دەل ئۆزى شۇ.
-
ئۇنداق بولسا بوپتۇ.
مەن دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ماڭدىم ۋە ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىستىلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم ۋە مەنمۇ بېرىپ قىستىلىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم. مېنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىدىن تۇنجى ئاڭلىغان سۆز: ‹ئى خالايىق! سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار، ئاچ قالغانلارغا تائام بېرىڭلار، كېچىدە كىشىلەر ئۇخلىغاندا تۇرۇپ ئىبادەت قىلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلارلا جەننەتكە ئامان ـ ئىسەن كىرەلەيسىلەر!› دېگەن سۆزلەر بولدى.
مەن ئۇنىڭغا زەن سېلىپ قاراشقا باشلىدىم ۋە ئۇنىڭ چىرايىنىڭ يالغانچىنىڭ چىرايىغا ئوخشىمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلدىم ـ دە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
-
بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق! مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! - دەپ گۇۋاھلىق بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قاراپ:
-
ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى.
-
ھۈسەيىن ئىبنى سالام.
-
بەلكى ئابدۇللاھ ئىبنى سالام! - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. مەن دەرھال:
-
ھەئە، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام، سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۈگۈندىن باشلاپ ماڭا بۇنىڭدىن باشقا بىر ئىسىمنىڭ بولۇشىنى ياقتۇرمايمەن،- دېدىم.
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدىن قايتىپ ئۆيۈمگە كېلىپ ئايالىمنى ۋە ئەھلى ئەۋلادىمنى ئىسلامغا چاقىردىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولدى، ھاممام خالىدەمۇ مۇسۇلمان بولدى، ئۇ ناھايىتى ياشىنىپ قالغان ئىدى. مەن ئۇلارغا: ‹سىلەر مېنىڭ ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مەن رۇخسەت قىلمىغۇچە يەھۇدىيلاردىن يوشۇرۇن تۇتۇڭلار› دېدىم. ئۇلار ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇشتى. ئاندىن مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ:
- يەھۇدىيلار بوھتانچى، يۈزسىز ئادەملەردۇر، مەن سېنىڭ ئۇلاردىن كاتتا ئادەملەرنى ھۇزۇرىڭغا چاقىرىشىڭنى، مېنى ئۆيلىرىڭنىڭ بىرىگە مۆكۈندۈرۈپ قويۇشىڭنى، ئاندىن ئۇلار مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى بىلىشتىن بۇرۇن سەن ئۇلاردىن مېنىڭ ھەققىمدە سوراپ كۆرۈشۈڭنى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى مېنىڭ ئورنۇمنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن! ئەگەر ئۇلار مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى بىلىپ قالسا مېنى ئەيىبلەيدۇ، مېنى سۆكىدۇ ۋە ماڭا بوھتان چاپلايدۇ، - دېدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئۆيلىرىنىڭ بىرىگە كىرگۈزىۋەتتى ۋە ئۇلارنى ئۆيىگە چاقىرىپ ئۇلارغا ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشكە، ئىماننىڭ گۈزەل تەرىپلىرىنى بايان قىلىشقا، ئۆزى ھەققىدە كەلگەن كىتابلاردىكى بېشارەتلەرنى ئۇلارغا ئەسلىتىشكە باشلىدى. بىراق ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاساسسىز قارشىلىشىشقا، ھەقىقەت توغرىسىدا تالىشىشقا باشلىدى. مەن ئۇلارنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن چاغدا ئۇلارغا:
-
ھۈسەيىن ئىبنى سالامنىڭ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئورنى قانداق؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار:
-
ئۇ بىزنىڭ رەھبىرىمىز ۋە رەھبىرىمىزنىڭ ئوغلى، ئۇ بىزنىڭ ئالىمىمىز ۋە ئالىمىمىزنىڭ ئوغلى، - دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
ئەگەر ئۇ مۇسۇلمان بولسا سىلەرمۇ مۇسۇلمان بولامسىلەر؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار:
-
ئوھۇي! ئۇ ھەرگىزمۇ مۇسۇلمان بولمايدۇ، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولىشىدىن ئاللاھ ساقلىسۇن! - دېيىشىپ كېتىشتى. بۇ چاغدا مەن يوشۇرۇنغان ئۆيدىن چىقىپ:
-
ئى يەھۇدىيلار گۇرۇھى! ئاللاھتىن قورقۇڭلار!
مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى قوبۇل قىلىڭلار! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، ئۇنىڭ ھەققىدىكى بېشارەتلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى تەۋراتلاردا ئېنىق يېزىلغانلىقىنى ھەم بىلىسىلەر، مەن ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن ۋە ئۇنى تەستىقلايمەن، ئۇنى ئېتىراپ قىلىمەن! - دېدىم. ئۇلار دەرھال:
-
سەن يالغان ئېيتتىڭ! سەن بىزنىڭ ئەڭ ئەسكى ئادىمىمىز! ئەسكى ئادىمىمىزنىڭ بالىسى، بىزنىڭ ئەڭ جاھىلىمىز ۋە ئەڭ جاھىلىمىزنىڭ بالىسى! - دەپ مېنى ئاغزىغا كەلگەن بارلىق ئەيىبلەش سۆزلىرى بىلەن ئەيىبلەشتى، سۆكۈشتى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
-
مەن ساڭا يەھۇدىيلار بوھتانچى، ئەسكى، ئالدامچى ۋە پەسكەش كىشىلەر دېمىگەنمىدىم، - دېدىم.
ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئىسلامغا خۇددى ئۇسسۇز ئادەم بۇلاق سۈيىگە تەشنا بولغاندەك تەشنالىق بىلەن كىردى. ئۇ قۇرئانغا شۇنچىلىك بېرىلدىكى، ئۇنىڭ لەۋلىرى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇپ قۇرۇمايتتى. ئۇنىڭ دىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شۇنچىلىك بېرىلىپ كەتتىكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىپلا يۈرۈيتتى.
ئۇ جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئەمەل ـ ئىبادەتلەرگە شۇنچىلىك بېرىلگەنكى ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھەققىدە بىر بېشارەت بەرگەن بولۇپ، بۇ بېشارەت ساھابىلەر ئىچىدە ئاشكارا بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ بېشارەت قەيس ئىبنى ئۇبادە رىۋايەت قىلغان قىسسىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى رىۋايەت قىلغۇچى مۇنداق دەيدۇ:
«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنە مەسجىدىدىكى ئىلىم سورۇنلىرىنىڭ بىرىدە ئولتۇرغان ئىدىم، بۇ سورۇندا دىللارغا ئارام، جانغا راھەتلىك بەخش ئەتكۈچى بىر پېشقەدەم كىشى بار بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە شۇنچىلىك تەسىرلىك، شېرىن سۆزلەرنى قىلدىكى ئۇ ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭغاندا كىشىلەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قارىشىپ: ‹جەننەت ئەھلىدىن بىرەر ئادەمگە قاراپ خۇشال بولماقچى بولغان ئادەم مۇشۇ كىشىگە قارىسۇن!› دېيىشتى. مەن ئۇلاردىن: ‹ئۇ كىشى كىم؟› دەپ سورىسام، ئۇلار: ‹ئابدۇللاھ ئىبنى سالام!› دېيىشتى. مەن كۆڭلۈمدە: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ ئادەمگە ئەگىشىمەن› دېدىم ۋە ئۇ ئادەمنىڭ ئارقىدىن ماڭدىم. ئۇ مېڭىپ مەدىنە شەھىرى ئىچىدىن چىقتى ئاندىن ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، مەنمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ كىرىشكە رۇخسەت سورۇدۇم، ئۇ رۇخسەت بەردى.
مەن كىرگەندە ئۇ:
-
ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! نېمە ھاجىتىڭ بار؟ -دەپ سورىدى. مەن:
-
سىز باياتتىن مەسجىدتىن چىقىپ كەتكەندە كىشىلەر سىزگە قاراپ: ‹جەننەت ئەھلىدىن بىرەر ئادەمگە قاراپ خۇشاللانماقچى بولغان ئادەم مۇشۇ ئادەمگە قارىسۇن!› دېيىشكەنلىكىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن سىز توغرۇلۇق بىلىش، ھەمدە كىشىلەرنىڭ بۇنى قانداق بىلىۋالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئارقىڭىزدىن كەلدىم، - دېدى. ئۇ ماڭا:
-
ئى بالام! جەننەت ئەھلىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ! - دېدى.
-
ھەئە… شۇنداق، لېكىن ئۇلار دېگەن سۆزنىڭمۇ بىرەر ئاساسى بولىشى كېرەك؟
-
مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى ھازىرلا ساڭا سۆزلەپ بېرىمەن،- دېدى ئۇ ۋە سۆزلەشكە باشلىدى، - مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا بىر كېچىسى مۇنداق چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە بىر ئادەم كېلىپ ماڭا: ‹ئورنۇڭدىن تۇر!› دېدى، مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئۇ ئادەم مېنىڭ قولۇمدىن تۇتتى. مېنىڭ سول تەرىپىمدە بىر يول بارىكەن مەن شۇ يولدا ماڭماقچى بولغىنىمدا ئۇ ئادەم: ‹قوي ئۇنى! ئۇ سېنىڭ يولۇڭ ئەمەس› دېدى.
مەن شۇنداق قارىسام تۇيۇقسىز ئوڭ تەرىپىمدە بىر ئوچۇق يول پەيدا بولدى، ھېلىقى كىشى مېنى ئاشۇ يولدا مېڭىشقا بۇيرۇدى، مەن شۇ يولدا مېڭىپ ئاخىرىدا ئارىلىقلىرى كەڭرى كەتكەن، ياپ ـ يېشىل، گۈزەل بىر باغچىغا كىرىپ قالدىم. بۇ باغچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈۋى يەردە، ئۇچى ئاسمانغا تاقاشقان بىر تۆمۈردىن بولغان تۈۋرۈك بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۇچىدا ئالتۇندىن ياسالغان بىر ھالقا بار ئىكەن، ئۇ كىشى ماڭا: ‹ئۇنىڭغا چىق!› دېدى. مەن: ‹چىقالمايمەن› دېدىم. ئۇ چاغدا مېنىڭ قىشىمغا بىر خىزمەتچى كېلىپ مېنى كۆتۈردى، مەن يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەپ ھەتتا تۈۋرۈكنىڭ ئۇچىغا چىقتىم ـ دە ھېلىقى ئالتۇن ھالقىنى ئىككى قولۇم بىلەن تۇتۇۋالدىم. مەن تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئۇنىڭغا ئېسىلىپ قالدىم.
«ئەتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈمنى بايان قىلىپ بەردىم، ئۇ ماڭا: ‹سول تەرىپىڭدە سەن كۆرگەن يول دوزاخنىڭ يولى، ئوڭ تەرىپىڭدىكى يول بولسا جەننەت ئەھلىنىڭ يولى، سېنى گۈزەللىكى ۋە يېشىللىقى بىلەن ھەيران قالدۇرغان باغ بولسا ئىسلام، باغ ئوتتۇرىسىدىكى تۈۋرۈك بولسا دىننىڭ ئاساسى، ھالقا بولسا مۇستەھكەم تۇتۇلىدىغان ئېتىقاد، سەن ئۇنىڭغا تاكى ئۆلگۈچە ئېسىلىپ تۇرىدىكەنسەن!› دېگەن ئىدى، - دېدى ئابدۇللاھ ئىبنى سالام».
رەبىئە ئىبنى زىياد ھارىس
بۆلۈم: “رەبىئە ئىبنى زىياد ھارىس”مەن خەلىپە بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېچكىم ماڭا رەبىئە ئىبنى زىيادتەك راست گەپ قىلىپ باقمىدى.
-ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسلام نۇرىغا پۈركىگەن شەھىرى مەدىنە بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ خەلىپىسى ۋە سادىق دوستى ئەبۇ بەكرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) دىن ئايرىلىپ قالغانلىق ماتەم قايغۇسىغا چۆمۈلگەن ئىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) قا قول بېرىپ ئۇنىڭ خەلىپىلىكىگە بەيئەت قىلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن كېلىشكە باشلىدى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئالدىغا بەھرەيندىن كەلگەن ئەلچىلەر باشقا بىر تۈركۈم ئەلچىلەر بىلەن بىرلىكتە كېرىپ كەلدى. «ئەلفارۇق» لەقىبى بىلەنمۇ ئاتالغان مۆمىنلەرنىڭ بۇ يېڭى خەلىپىسى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان دانا پىكىر جەۋھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئەلچىلەردىن تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتى. ئۆمەر قېشىغا كىرگەنلەردىن بىر قانچە كىشىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ ئۇلاردىن ئۆمەر ئۈمىد قىلغاندەك بىرەر گەپ چىقمىدى. ئۇ ئەلچىلەر ئىچىدە تۇرقىدىن ياخشىلىق ئالامىتى بىلىنىپ تۇرغان بىر ئادەمگە ئىشارەت قىلىپ:
- سەن ئۆز كۆز قارىشىڭنى سۆزلەپ باق! - دېدى.
ئۇ ئادەم ئالدى بىلەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇغاندىن كېيىن:
- ئى مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى! ئاللاھ سېنى مۇسۇلمانلارغا سىناق يۈزىسىدىن خەلىپە قىلدى، سەن ئىگە قىلىنغان ئىشلاردا ئاللاھتىن قورق! بىلگىنكى فۇرات دەرياسى قىرغىقىدا بىرەر قوي يىتىپ كەتسە قىيامەت كۈنى شۇنىڭ سورۇقىنى تارتىسەن، - دېدى.
ئۆمەر بۇنى ئاڭلاپ ئاۋازىنى چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى ۋە:
-
مەن خەلىپە بولغاندىن باشلاپ ھېچكىم ماڭا سەندەك راست گەپ قىلىپ باقمىغانىدى، سەن كىم بولىسەن؟- دەپ سورىدى ئۇ سۆھبەتدېشىدىن.
-
مەن رەبىئە ئىبنى زىياد ھارىس.
-
مۇھاجىر ئىبنى زىياد ھارىسنىڭ قېرىندىشىمۇ؟
-
ھەئە.
مەجلىس تارقىغاندا ئۆمەر ئەبۇ مۇسانى چاقىرىپ:
- سەن رەبىئە ئىبنى زىيادنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەت! ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا ئۇنىڭدا مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ياخشىلىق بار، ئۇنى بىرەر خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ماڭا ئۇنىڭ خەۋىرىنى بەر! - دەپ تاپىلىدى.
بۇ ئىشتىن كېيىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەبۇ مۇسا خەلىپىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن ئەھۋاز زېمىنىدىكى مەنازىر شەھىرىنى فەتھى قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر تەييارلاپ بۇ قوشۇنغا رەبىئە ئىبنى زىياد ھارىسنى ۋە ئۇنىڭ بىر تۇغقان مۇھاجىر قېرىندىشىنىمۇ ئېلىۋالدى.
ئەبۇ مۇسا مەنازىر شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى، ئۇرۇش تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان بۇنداق ئۇرۇشنى ئۇلار تېخى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. مۇشرىكلار ئۇرۇشۇش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىگى ۋە چىدامچانلىقى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز باتۇرلۇقلارنى كۆرسەتتى، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار قوشۇنىدا تالاپەت كۆپىيىپ كەتتى. مۇسۇلمانلار بۇ كۈندە رامىزان روزىسىنى تۇتقان ھالدا ئۇرۇشتى.
رەبىئەنىڭ قېرىندىشى مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئۆلۈمنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى ئاتىدى ـ دە ئۆلۈمگە تەييارلاندى ھەم قېرىندىشى رەبىئە ئىبنى زىيادقا ۋەسىيەت قىلدى. رەبىئە ئىبنى زىياد ئەبۇ مۇسانىڭ قېشىغا بېرىپ:
- مېنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىم ھازىر روزا تۇتقان ھالدا ئاللاھ يولىدا ئۆز جېنىنى تىكمەكچى بولۇۋاتىدۇ، مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش بىلەن روزىنىڭ قىيىنلىقى تەڭ كېلىپ ئىرادىلىرى بوشاپ قېلىۋاتىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى روزىنى بۇزۇشقا ئۇنىمايۋاتىدۇ، ئەمدى سەن خالىغان بۇيرۇقىڭنى بەر! - دېدى.
ئەبۇ مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ قوشۇنغا قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:
بۆلۈم: “ئەبۇ مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ قوشۇنغا قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:”- ئى مۇسۇلمانلار گۇرۇھى!
مەن ھەر بىر روزا تۇتقۇچىنىڭ ياكى روزىسىنى بۇزۇشىنى ياكى ئۇرۇشتىن چېكىنىشىنى بۇيرۇيمەن! - دېدى ۋە كىشىلەرنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۈن يېنىدىكى چۆگۈندىن سۇ ئىچتى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سۇ ئىچتى. رەبىئەنىڭ قېرىندىشىمۇ بۇنى ئاڭلاپ دەرھال سۇدىن بىر يۇتۇم ئىچتى ۋە:
- ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن بۇ سۇنى ئۇسسۇزلۇقۇمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشلىقنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىچتىم، - دېگىنىچە قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، سەپلەرنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۈشمەنلەرنىڭ بېشىدا قىلىچ ئوينىتىشقا باشلىدى.
ئۇ دۈشمەن سېپىگە ئىچكىرىلەپ كىرگىنىدە ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭغا قىلىچ چېپىلدى ۋە نەيزە، ئوقيالار ئۈچۈپ كېلىپ سانچىلىشقا باشلىدى، ئاخىرى ئۇ يەرگە يېقىلدى. دۈشمەن قوشۇنى ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋېلىپ ئېگىز بىر يەرگە ئېسىپ قويۇشتى.
رەبىئە قېرىندىشىنىڭ بېشىغا قاراپ:
بۆلۈم: “رەبىئە قېرىندىشىنىڭ بېشىغا قاراپ:”-مۇبارەك ۋە ياخشى ئورۇنلار ساڭا بولسۇن! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئاللاھ خالىسا مەن سەن ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىمەن! - دېدى.
ئەبۇ مۇسا رەبىئەنىڭ قېرىندىشىغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقانلىقىنى، دۈشمەنلەرگە دىلىدا نەپرەت يېنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆزى سۇس شەھىرىنى فەتھى قىلىشقا يۈرۈپ كەتتى.
رەبىئە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى مۇشرىكلارغا خۇددى بوراندەك ئېتىلدى ۋە شەھەر سېپىلى ئىچىگە كەلكۈن دومىلاتقان تاشتەك باستۇرۇپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ كۈچى ئاجىزلاپ ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن مۇنازىرە شەھىرى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا فەتھى قىلىندى. رەبىئە قارشىلاشقانلارنى ئۆلتۈرۈپ كىچىكلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئۇ يەردىن ئاللاھ خالىغان نەرسىلەرنى ئولجا ئالدى.
مەنازىر ئۇرۇشىدىن كېيىن رەبىئە خۇددى كېچە ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇزدەك نۇرلۇق سىما بىلەن ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ شەرەپلىك نامى ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا كۆچۈشكە باشلىدى. ئۇ ھەممە كىشىنىڭ نەزىرىدە قولىدىن چوڭ ئىشلار كېلىدىغان كاتتا قوماندان بولۇپ ئاتالدى. مۇسۇلمانلار سىجىستان شەھىرىنى فەتھى قىلىش قارارىغا كەلگەندە قوشۇننىڭ قوماندانلىقى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى ۋە ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق بۇ شەھەرنىڭ فەتھى قىلىنىشى ئۈمىد قىلىندى.
رەبىئە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدىغان قوشۇنىنى باشلاپ يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ كېسىپ ئۆتەلمەيدىغان مۇساپىسى 75 فەرسەخ كېلىدىغان بۇ بىپايان چۆلنى بېسىپ ئۆتۈپ سىجىستانغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئۇنىڭ بۇ يۈرۈشتە تۇنجى بولۇپ دۇچ كەلگىنى سىجىستانغا ئۆتەر يولدىكى روستوقۇزالىق شەھىرى بولدى. بۇ شەھەر ئېگىز سېپىللار بىلەن قورشالغان، كاتتا بىنالار سېلىنغان بايلىقى كۆپ، مېۋىلىرى مول بىر شەھەر ئىدى.
زېرەك قوماندان رەبىئە بۇ شەھەرگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن بۇ شەھەرنىڭ ئەھۋالىنى يىراقتىن كۆزىتىش ئارقىلىق بۇ شەھەر ئەھلىنىڭ پات ئارىدا ناھايىتى چوڭ بىر بايرام ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى پەملىدى ۋە بايرام مەزگىلىدە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ ياتتى. ئاخىرى بايرام ۋاقتىمۇ كەلدى، شەھەر خەلقى ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز بايرام تەنتەنىسى ئۆتكۈزۈۋاتقان كېچىلەرنىڭ بىرىدە شەھەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ شەھەر خەلقىنىڭ بېشىدا قىلىچ ئوينىتىشقا باشلىدى.
بۇ شەھەرنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئىشغال قىلىپ ئۇلاردىن 20 مىڭ كىشىنى ئەسىرگە ئالدى، بۇ شەھەرنىڭ باشلىقىمۇ ئەسىرگە چۈشتى. ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ ئىچىدە يەنە باشقا بىر كەنتتىن بۇ شەھەرنىڭ باشلىقىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن پۇل ئېلىپ كەلگەن بىر خادىم بولۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن 300 مىڭ تەڭگە چىقتى.
-
بۇ پۇللارنى قەيەردىن ئېلىپ كەلدىڭ؟ - دەپ سورىدى رەبىئە.
-
كەنتلەرنىڭ بىرىدىن،- دەپ جاۋاب بەردى خىزمەتكار.
-
ھەر بىر كەنتتىن ھەر يىلى مۇشۇنچىلىك پۇل يىغىلامدۇ؟
-
شۇنداق.
ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا شەھەر باشلىقى ئۆزى ۋە بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تۆلەم پۇلى بىلەن كەلدى.
-
سەن كۆپ بەدەل تۆلىسەڭ ئاندىن قويىۋىتىمەن،- دېدى رەبىئە شەھەر باشلىقىغا. شەھەر باشلىقى:
-
نېمە شەرت؟ - سورىدى شەھەر باشلىقى.
-
مەن نەيزەمنى يەرگە سانجىيمەن، سەن نەيزەمنىڭ ئەتراپىغا تاكى نەيزەم كۆمۈلگىچە ئالتۇن ـ كۈمۈش تۆكىسەن.
شەھەر باشلىقى بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، كانلىرىغا بېرىپ نەيزە كۈمۈلگىچە ئالتۇن ـ كۈمۈش ئېلىپ كېلىپ تۆكتى.
رەبىئە ئۈزىنىڭ غالىپ قوشۇنى بىلەن سىجىستان زېمىنىغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئېتىنىڭ تۇۋاقلىرى دەسسىگەن ھەممە يەر ئۇلارنىڭ فەتھى قىلىنغان زېمىنىغا ئايلاندى. نۇرغۇن شەھەر ئەھلى ئۇلارنىڭ يۈزىگە تېخى قورال تەڭلەنمەستىنلا ئۆزلىكىدىنلا تەسلىم بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى. سىجىستان شەھىرى بولسا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي قارشىلىق بىلدۈرۈپ شەھەرنى ساقلاپ قېلىش پىلانىنى قۇرۇشقان ئىدى.
ئىككى تەرەپ ئۇچۇرۇشۇپ جەڭ مەيدانىدا شۇنچىلىك قاتتىق ئۇرۇشتىكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى مۇسۇلمانلار تەرەپكە يۈزلەنگەندە بۇ شەھەرنىڭ باشلىقى بەرۋەيز كۈچىنىڭ تۈگەش ۋاقتىدىن بۇرۇن، سۈلھى ئارقىلىق ئۆزى ۋە خەلقىنى ساقلاپ قېلىش نىيىتىدە رەبىئەگە ئەلچى ئەۋەتتى، رەبىئە سۈلھى تۈزەشكە ماقۇل بولۇپ ۋاقىت بېكىتتى. رەبىئە قول ئاستىدىكىلەرگە كەلمەكچى بولغان بەرۋەيزنىڭ يولىغا ۋە سۈلھى تۈزۈلىدىغان ئورۇننىڭ ئەتراپىغا پارس ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكىنى قالايمىقان تاشلاپ قويۇشنى بۇيرۇدى.
رەبىئەنىڭ ئۆزىمۇ گەۋدىلىك ئېگىز بوي، سۈرلۈك ئادەم بولغاچقا ئۇنىڭغا قارىغان ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنەتتى. بەرۋەيز سۈلھىگە رەبىئەنىڭ قېشىغا كىرىش بىلەنلا تېنى شۈركۈنۈپ قورققىنىدىن بۇلجۇڭ گۆشلىرى تارتىشىپ كەتتى. يۈرىكىنىڭ سېلىشى ئىتتىكلەپ ھەتتا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.
بەرۋەيز كېكەچلەپ تۇرۇپ سۇلھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن بېشىدا ئالتۇندىن جامى بولغان مىڭ نەپەر قۇل تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە بەردى. رەبىئە بۇ كېلىشىمگە ماقۇل بولدى.
ئەتىسى رەبىئە بېشىدا ئالتۇن جامى بار مىڭ نەپەر قۇل بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمانلارنىڭ تەكبىرلىرى ئارىسىدا شەھەرگە غالىبلارچە كىرىپ كەلدى. مانا بۇ كۈن ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئىچىدىكى خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى.
رەبىئە ھاياتى بويىچە ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۈشمەنگە ئۇرۇلغان قىلىچى بولۇپ ياشىدى. ئۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نۇرغۇن شەھەرلەرنى فەتھى قىلىپ ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇپ بەردى. خەلىپىلىك ھوقۇقى بەنى ئۇمەييەگە كەلگەندە مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سوفيان ئۇنى خۇراسانغا باشلىق قىلدى. لېكىن رەبىئە بۇنىڭغا قىزىقمىدى. بولۇپمۇ بەنى ئۇمەييە مۆتىۋەرلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇنىڭغا يازغان تۆۋەندىكى خېتى ئۇنىڭ ھوقۇققا بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئۇ خەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: «مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سوفيان ئۇرۇشتا ئولجىغا چۈشكەن ئالتۇن ـ كۈمۈشلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇپ، قالغانلىرىنى مۇجاھىتلار ئارىسىدا تەقسىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ!»
رەبىئە بۇ خەتكە جاۋابەن: «مەن ئاللاھنىڭ كىتابىدىن مۆمىنلەرنىڭ باشلىقى ماڭا بۇيرىغان نەرسىنىڭ دەل ئەكسىنى تاپتىم» دەپ يېزىپ ئەۋەتىۋەتكەندىن كېيىن كىشىلەرگە: «ئەتە ئەتىگەندە غەنىمەتلىرىڭلارنى ئېلىۋىلىڭلار!» دەپ جاكارلاتقۇزدى. ئاندىن غەنىمەتلەرنىڭ بەشتىن بىرىنى دەمەشقتىكى مۇسۇلمانلار خەلىپىسىگە ئەۋەتىپ بەردى.
بۇ خەت يېتىپ بارغاندىن كېيىنكى جۈمە كۈنى رەبىئە ئاق كىيىم كىيىپ مەسجىدكە كېلىپ كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلىدى. ئاندىن كىشىلەرگە:
-
مەن ھاياتلىقتىن چارچىدىم، مەن دۇئا قىلىمەن، ماڭا ئامىن دېيىشىپ بېرىڭلار! - دېدى. ئاندىن، - ئى ئاللاھ، ئەگەر سەن مەندە بىرەر ياخشىلىق بار دەپ قارىساڭ مېنى كېچىكتۈرمەستىن ئۆز دەرگاھىڭغا ئېلىپ كەتكىن! - دەپ دۇئا قىلدى. كىشىلەر:
-
ئامىن! - دېيىشتى.
دەل شۇ كۈنى كەچقۇرۇن كۈن تېخى پاتماي تۇرۇپلا رەبىئە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا كېتىپ قالدى. (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! ۋە ئۇنى رازى قىلسۇن!)
سەفىيە بىنتى ئابدۇلمۇتەللىب
بۆلۈم: “سەفىيە بىنتى ئابدۇلمۇتەللىب”سەفىيە ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداش يولىدا تۇنجى بولۇپ مۇشرىك ئۆلتۈرگەن ئايالدۇر.
ئەرلەر شۇنچە يۇقىرى ھۆرمەت - ئىكرام بىلەن تەرىپىنى قىلىدىغان بۇ تەمكىن، ئەقىللىق ۋە قەھرىمان ئايال كىم؟ ئىسلام تارىخىدا مۇشرىك ئۆلتۈرگەن ئاياللارنىڭ تۇنجىسى بولغان بۇ باتۇر ئايال كىم؟ مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئاللاھ يولىدا قىلىچ كۆتەرگەن تۇنجى ئاتلىق پەھلىۋاننى تەربىيىلەپ مۇسۇلمان قوشۇنى سېپىگە قاتقان كەسكىن تەدبىرلىك بۇ ئايال كىم؟
بۇنچىلىك كۆپ سورالغان بۇ ئايال، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاممىسى، قۇرەيش قەبىلىسى ھاشىم جەمەتىدىن بولغان ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ قىزى - سەفىيەدۇر.
بۇ ئايال نەسەب جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئېسىل نەسەب بىلەن نېمەتلەنگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇلمۇتەللىب بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ دادىسى، يەنى قۇرەيشلەرنىڭ ئاقساقىلى ۋە ئۇلار ئىتائەت قىلىدىغان كاتتىۋېشى ئىدى؛ ئانىسى بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئامىنەنىڭ ھەمشىرسى ھالە بىنتى ۋەھب ئىدى. بۇندىن باشقا يەنە نىكاھ جەھەتتىنمۇ ئېسىل مەرتىۋىلىك ئورۇنغا چىققان بولۇپ ئۇنىڭ بىرىنچى ئېرى بەنىي ئومەييە قەبىلىسىنىڭ كاتتىۋېشى بولغان ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەربنىڭ قېرىندىشى ھارىس ئىبنى ھەرپ؛ ئىككىنچى ئېرى ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىزنىڭ قېرىندىشى ئەۋۋام ئىبنى خۇۋەيلىد ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ ئوغلى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىسى قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى ئىسلام تەرەپتىن كىشىنىڭ دىللىرى سۆيۈنگىدەك بىر نېمەتكە ئىگە قىلغانىدى.
سەفىيەنىڭ ئىككىنچى ئېرى ئەۋۋام ۋاپات بولۇپ كەتكەندە ئۇلارنىڭ يالغۇز ئوغلى زۇبەير تېخى كىچىك بولۇپ، سەفىيە بۇ بالىسىنى جاپا - مۇشەقەتلەرگە چىدايدىغان ياراملىق، باتۇر بىر جەڭچى قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە تىرىشتى. ئۇنىڭ ئوينايدىغان ئويۇنلىرىنىمۇ ئوقيا ئېتىش، قورال ياساش، خەتەرلىك ئورۇنلارغا كىرگۈزۈپ ۋە چىقىرىش، ھەرقانداق قىيىن بىر جايلاردىن چېكىنمەي ئىلگىرىلەشتەك پائالىيەتلەر بولىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. بالا بۇنداق ئويۇنلار ئارقىلىق ئويناشتىن باش تارتقاندا ياكى چېكىنگەندە ئانىسى ئۇنى قاتتىق ئۇراتتى، ھەتتا بۇ ھەقتە زۇبەيرنىڭ تاغىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىپ: كىچىكىنە بالىنى شۇنداقمۇ ئۇرغان بارمۇ؟ ئانا تۇرۇپ بالىنى شۇنداق ئۇرامسىز؟!… دېگەندە سەفىيە ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
كىشى چۈشىنەرمىدى كىش كۆڭلىنى؟
دېيىشتى بالىغا ئەمەس كۆيۈمچان.
ئارزۇيۇم ئوغلۇمنى ئۆستۈرمەك باتۇر،
جەڭلەردە شان قۇچار، غالىپ، قەھرىمان.
ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى توغرا ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەندە ۋە ئۇنى يېقىن تۇغقانلىرىدىن باشلاپ ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇل مۇتەللىپ جەمەتىدىكى ئەر- ئايال، قېرى- ياش ھەممىسىنى يىغقان ۋە ئۇلارغا تەشۋىق قىلىپ:
- ئى مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە! ئى ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ قىزى سەفىيە! ئى ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ جەمەتى! ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەن سىلەر ئۈچۈن ھېچنېمىگە كاپالەتلىك قىلالمايمەن! - دېگەنىدى ۋە ئۇلارغا تەبلىغ قىلىپ ئۇلارنى ئاللاھقا ئىشىنىشكە ۋە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلاشقا چاقىرغانىدى.
ئۇلاردىن ئىلاھىي نۇرغا يۈزلەنگىنى يۈزلەندى، يۈزلەنمىگىنى يۈز ئۆرۈدى. سەفىيە ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن، پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى تەستىقلىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكىلىرىدىن بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسى ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل بولغان بولۇپ، ئىسلام ئۇنى ھەقىقىي ئۇلۇغ مەرتىۋىگە ئىگە قىلدى.
سەفىيە، ئوغلى زۇبەير بىلەن مۇسۇلمانلار سېپىگە قەدەم قويدى ھەم بۇرۇن ئىسلامغا كىرگەن بارلىق مۇسۇلمانلار بېشىدىن كەچۈرگەن ئازاب ئوقۇبەتنىڭ ھەممىسىنى بېشىدىن كەچۈردى. ئاللاھ پەيغەمبىرىنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىغاندا ھاشىم جەمەتىدىن بولغان ئابرۇيلۇق بۇ ئېسىل خانىم ئۆتمۈشىگە دائىر بارلىق ئەسلىمىلەر، نام- ئابرۇي، شانۇ- شەۋكىتىنى مەككىدە قالدۇرۇپ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ مەدىنىگە يول ئالدى.
يېشى ئاتمىشقا يېقىنلاشقان بۇ خانىمنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا قالدۇرغان ئۇنتۇلغۇسىز ئىش- ئىزلىرى كىشىلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرارلىق بولۇپ، بىزنىڭ ئۇ ئىش- ئىزلاردىن تۆۋەندىكى ئىككى مىسالنى كەلتۈرۈشىمىزلا خۇددى تامچە سۇدا قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگەندەك، ئۇنىڭغا بەرگەن تەرىپىمىزگە دەلىل بولالايدۇ.
بىرى، ئوھۇد جېڭىدىكىسى بولۇپ، سەفىيە بۇ ئۇرۇشقا مۇسۇلمان قوشۇنىدىكى ئاياللار سېپىدە چىققان ئىدى، جەڭ مەيدانىدا ئۇ سۇ يەتكۈزۈپ بېرىش، بۇزۇلغان ئوقيا ۋە ئوقلارنى ئوڭشاشتەك ئىشلار بىلەن شۇغىللىناتتى. لېكىن ئۇنىڭ پۈتۈن دىققىتى جەڭ مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىشكە مەركەزلەشكەن ئىدى. بۇنىڭ ھەيران قالارلىق نېمىسى بار؟ چۈنكى ئۇ جەڭ مەيدانىدا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە قېرىندىشىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، قېرىندىشى ھەمزە ئىبنى مۇتەللىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ياردەمچىسى بولغان زۇبەير، يەنە نۇرغۇن مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى جەڭ قىلىۋاتسا… تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنى تېخىمۇ ھاياجانغا سېلىۋاتقىنى، بۇ جەڭدە شېھىتلىككە ئېرىشىپ ئاللاھنىڭ مەڭگۈلۈك نېمىتىگە ئېرىشىش ياكى تىرىك قالغان تەقدىردە داۋاملىق جىھاد قىلىپ، دۈشمەن بىلەن ئورۇشقانلىقنىڭ ئەجرىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بىر مۇقەددەس ساۋاب ئىدى.
جەڭ مەيدانىنى ئەستايىدىل كۈزەتكەچ ئۆز ئىشىنى قىلىۋاتقان سەفىيە، تۇيۇقسىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا بىر قانچە كىشىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ھەر تەرەپكە تارقاپ كەتلەنلىكىنى، مۇشرىكلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىغا يېقىنلىشىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قەستلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى- دە، قولىدىكى سۇ قاچىسىنى چۆرىۋېتىپ، خۇددى بالىلىرىنى ھۆجۇمدىن قوغدىماقچى بولغان چىشى يولۋاسقا ئوخشاش جەڭ مەيدانىغا ئېتىلىپ بارغىنىچە قېچىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بىرىنىڭ قولىدىن بىر تال نەيزىنى يۇلۇپ ئالدى ـ دە، سەپلەرنى بۆسۈپ كىرىپ ئۇچرىغان دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى نەيزىسى بىلەن ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە باشلىدى.
- ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى يالغۇز تاشلاپ قاچامسىلەر؟ - دەپ ۋارقىراپ، بىر ياقتىن قاچقانلارغا خىتاب قىلاتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپلەرنى بۆسۈپ كېلىۋاتقان سەفىيەنى كۆرۈپ ئۇنىڭ دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ جەسىتى پارچىلىۋېتىلگەن قېرىندىشى ھەمزىنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ زۇبەيرگە:
-
ئۇ ئايالغا دىققەت قىل! ئۇ ئايال!… - دېگىنىچە سەفىيەنىڭ ئالدىغا ئىلگىرىلەپ كېلىۋېرىشىدىن توسۇپ قالماقچى بولدى. زۇبەير بولسا: - ئانا! ئارقىڭىزغا يېنىڭ، ئانا! ئارقىڭىزغا يېنىڭ، - دەپ توۋلايتتى جەڭ قىلغاچ. سەفىيە بولسا ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماستىن:
-
نېرى تۇر، بۇ يەردە سېنىڭ ئاناڭ يوق… - دەيتتى
-
ئانا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىزنى قايتسۇن! دەيدۇ.
-
نېمە ئۈچۈن؟ مەن قېرىندىشىم ھەمزىنىڭ پارچىلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئۇ ئاللاھ يولىدا بوپتۇ!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ چاغدا سەفىيەنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، زۇبەيرگە بولدى قىلىشنى بۇيرۇدى. زۇبەير ئانىسىنى قويىۋەتتى.
ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ئۇ قېرىندىشى ھەمزىنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ يېرىلىپ يۈرۈكىنىڭ سۇغىرىۋېلىنغانلىقىنى، قۇلاق ۋە بۇرۇنلىرىنىڭ كېسىۋىلىنىپ، چىرايىنىڭ تۇنۇغۇسىز دەرىجىدە بۇزىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ:
- ئى ئاللاھ! ئۇ سېنىڭ يولۇڭدا شېھىت بولدى! مەن ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىگە رازى بولدۇم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن سەۋرى قىلىمەن ۋە بۇ ئىشلارغا ئاللاھتىن ئەجىر ئۈمىد قىلىمەن! - دېدى.
مانا بۇ ئۇنىڭ ئوھۇد جېڭىدىكى مەيدانى.
ئۇنىڭ خەندەك ئۇرۇشى بولغان چاغدىكى كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى، ئۇنىڭ نەقەدەر زېرەك، ئەقىللىق ۋە باتۇر ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.
بىرەر ئۇرۇشقا چىقماقچى بولسا ئالاھىدە قوغدىغۇچى قوشۇن ۋە مۇھاپىزەتچىلەر بولمىغان ئەھۋالدا ئاياللار ۋە بالىلارنى مەدىنىدىكى بىرەر مۇستەھكەم قورغان ئىچىگە ئەكىرىپ قويۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دائىملىق ئادەتلىرىدىن ئىدى.
خەندەك ئۇرۇشىغا چىقىش ئالدىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاممىلىرىنى، ئاياللىرىنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇشاق بالىلىرىنى ھەسسان ئىبنى سابىتقا دادىسىدىن مىراس قالغان قورغان ئىچىگە ئەكىرىپ قويدى، بۇ مەدىنىدىكى قورغانلار ئىچىدە ئەڭ مۇستەھكىمى ئىدى. بۇ قورغاننىڭ تاملىرى ناھايىتى ئېگىز ئىدى.
مۇسۇلمانلار خەندەك ئەتراپىغا يىغىلىپ دۈشمەن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتەك ئۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش تۇرغان بىر پەيتتە سەفىيە تۈن قاراڭغۇسىدا ھەرىكەتلىنىۋاتقان بىر سايىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ سايىدىن چىققان شەپىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىشقا باشلىدى. ئەسلىدە بىر يەھۇدىي قورغان تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى بولسا قورغان ئىچىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تىڭ- تىڭلاش بولۇپ ئۇ بۇ مەقسەتتە قورغان ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى.
سەفىيە بۇ يەھۇدىينىڭ قورغان ئىچىدە تۇرغان كىشىلەر پەقەت ئاياللار ۋە بالىلاردىنلا ئىبارەتمۇ ياكى ئۇلارنىڭ مۇھاپىزەتچىسىمۇ بارمۇ؟ دەپ ئەھۋال ئۇققىلى كەلگەن يەھۇدىي جاسۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدى- دە، كۆڭلىدە «بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدىكى كېلىشىمنى بۇزۇپ، قۇرەيش ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ياردەم بەرگىلى كېلىۋېتىپتۇ، ناۋادا ئۇلار بۇ قورغانغا كېلىپ قالسا بۇ يەردە بىرمۇ ئەركىشى يوق، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەڭگە يارايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇشقا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇ دۈشمەنلىرى بۇ يەردىكىلەرنىڭ قوغدىغۇچىسىز قالغان ئاياللار ۋە بالىلاردىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلسە ئاياللارنى ئەسىرئالىدۇ، بالىلارنى قۇل قىلىدۇ، مۇسۇلمانلارغا بۇ بىر چوڭ مۇسىبەت بولىدۇ» دېگەنلەرنى ئويلىدى- دە ياغلىقىنى ئېلىپ بېشىنى يۆگىدى، كىيىمىنى چىڭ باغلاپ قولىغا كالتەكنى ئالدى، ئۇ قەلئەنىڭ ئىشىكىنىڭ قىشىغا كېلىپ ئىشىكنى ئاستا قىيا ئېچىپ ئۆزىنى ئىشىكنىڭ ئارقىسىغا دالدىغا ئالدى، سەفىيە ئۆزىنىڭ تۇرغان ئورنىنىڭ دۈشمىنىگە ھۇجۇم قىلىشقا تامامەن قۇلايلىق ئىكەنلىكىگە جەزم قىلغاندىن كېيىن، كالتەكنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۈشمەننىڭ بېشىغا زەرب بىلەن ئۇردى، ھەدىدىن قاتتىق ئۇرغاچقا كاكتەك ئۇنىڭ قولىدىن قاڭقىپ چۈشۈپ كەتتى، ئۇ كالتەكنى قولىغا ئېلىپ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ئۇردى، يەھۇدىي يىقىلىپ شۇھامان جان بەردى.
سەفىيە جەسەتنىڭ يېنىغا بېرىپ يېنىدىكى پىچىقى بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ ئۇنى سېپىل تېمىدىن ئارتۇلدۇرۇپ تاشلىدى، باش دومىلاپ سېپىل سىرتىدا ئۇنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ئالدىغىلا چۈشتى.
بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلار: «مۇھەممەد ئاياللار ۋە بالىلارنى مۇھاپزەتسىز تاشلاپ قويماپتۇ» دېيىشىپ تىكىۋېتىشتى.
ئاللاھ ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ قىزى سەفىيەدىن رازى بولسۇن! ئۇ مۇسۇلمان ئاياللىرىغا تەڭداشسىز بىر قەھرىمانلىق نەمۇنىسىنى ياراتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر بالىسىنى ھەقىقىي ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشتا بولسۇن، ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغان قېرىندىشىغا ماتەمدار بولغان ئەھۋالدا سەۋرى قىلىشتا بولسۇن ۋە ياكى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئەقىل- ئىقتىدارىنى نامايەندە قىلىشتا بولسۇن ئۇ مۇسۇلمانلارغا ناھايىتى بىر ياخشى ئۆرنەك بولدى. تارىخ ئۆزىنىڭ نۇرلۇق بەتلىرىگە: «ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ قىزى سەفىيە ئىسلامدا مۇشرىك ئۆلتۈرگەن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ تۇنجىسى» دەپ يازدى.
ئۇتبە ئىبنى غەزۋان
بۆلۈم: “ئۇتبە ئىبنى غەزۋان”ئۇتبەنىڭ ئىسلامدا ئورنى بار.
بۆلۈم: “ئۇتبەنىڭ ئىسلامدا ئورنى بار.”-ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئۇخلاش ئۈچۈن ئورنىغا كېلىپ ياتتى. بىراق ئۇنىڭ ئۇيقىسى كەلمىدى، چۈنكى بۇرەيدە ئۇنىڭغا: «پارس قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولۇپ مۇسۇلمان قوشۇنلىرىغا تەسلىم بولايلا دېگەندە ئۇلارغا ئۇ يەر- بۇ يەردىن ياردەم كېلىپ ئۇرۇشنى قايتىدىن باشلاۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى. خەۋەردە يەنە «ئۇبەللە» شەھىرىنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن پارسلىقلارنىڭ ئارقا سەپ بازىسى قاتارىدا تەمىنات بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىدىنمۇ ئۇچۇر بېرىلگەن ئىدى. ئۆمەر ئۇبەللە شەھىرىنى پەتھى قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ پارس قوشۇنىغا ياردەم بېرىش يولىنى ئۈزۈش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتمەكچىمۇ بولدى، بىراق ئادەمنىڭ ئازلىقىنى ئويلاپ بۇ خىيالىدىن ياندى. چۈنكى ئۆمەرنىڭ قېشىدا ئاز ساندىكى ياشانغان كىشىلەردىن باشقا ھەممىسى ئۇرۇشقا چىقىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ بۇرۇنقى يولىنى، يەنى قوشۇننىڭ ئازلىقىدىن ئىبارەت بۇ بوشلۇقنى قومانداننىڭ پاراسىتى بىلەن تولدۇرۇشتەك تەدبىرىنى ئىشقا سالماقچى بولدى. ئۇ كىشىلەرنى بىر ـ بىرلەپ خىيال ئىكرانىدىن ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ خىيالىغا تۇيۇقسىز كەلگەن بىرسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئۆزىمۇ تۇيمايلا: «تاپتىم! تاپتىم!» دەپ ۋاقىرىۋەتتى. ئاندىن بىرئاز پەسكويغا چۈشۈپ بېشىنى ياستۇققا قايتا قويغاندىن كېيىن: «ئۇ دېگەن بەدىر، ئوھۇد، خەندەك ۋە باشقا ئۇرۇشلارغا قاتناشقان مۇجاھىد، يەمامە ئۇرۇشىنىڭ مەيدانلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شاھىت، ئۇنىڭغا بىرەر تال ئوق ياكى بىرەر قىلىچمۇ خاتا تېگىپ كېتىپ قالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ زېمىن يۈزىدە ئەڭ بالدۇر ئىمان ئېيتقان يەتتە كىشىنىڭ يەتتىنچىسى، شۇنداقلا ئىسلامدىكى ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈردى.
تاڭ ئاتقاندا ئۆمەر:
- ئۇتبە ئىبنى غەزۋاننى چاقىرىڭلار! - دېدى. ئۇ چاقىرىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۆمەر ئۇنى ئۈچ يۈز ئون نەچچە ئادەمگە باشلىق قىلىپ بۇ قوشۇننىڭ بايرىقىنى تۇتقۇزدى ۋە ئۇنىڭغا ئارقىسىدىن يەنە ئەسكەر تولۇقلاپ ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
بۇ كېچە قوشۇن يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى، قوشۇننى ئۇزۇتۇش ئالدىدا ئۆمەر قوماندانغا:
- ئى ئۇتبە! مەن سېنى ئۇبەللە شەھىرىگە ئەۋەتمەكچى بولىۋاتىمەن، ئۇ دۈشمەن ئىستىھكامى، مەن ئاللاھتىن ساڭا ياردەم بېرىشىنى سورايمەن، سەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغىن، ئۇلاردىن دەۋەتىڭگە ئاۋاز قوشقانلارنى قوبۇل قىلغىن، ئۇنىمىغانلاردىن تۆلەم ئال، تۆلەمگىمۇ ئۇنىمىغانلارنىڭ گەدىنىگە قىلىچ ئۇر! مەيلى قانداقلا ئەھۋالدا بولسۇن مەسئۇل قىلىنغان ئىشىڭدا ئاللاھتىن قورق! كۆڭلۈڭنى كىبىر ۋە تەمادىن يىراق تۇت! بىلگىنكى سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولغان، ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋەبى بىلەن سېنى خارلىقتىن ئەزىزلىككە كۆتەرگەن زاتسەن، سەن ھەتتا كۈچىيىپ ھوقۇق تۇتقان قوماندانلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلدۈڭ، سېنىڭ قوشۇندىكى ھەرقانداق بۇيرۇقۇڭ ئىجرا قىلىنىدۇ، دېگەن سۆزۈڭ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئەگەر سەن ئېزىپ كېتىپ قالمىساڭلا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى نېمەت بولامدۇ؟! - دېدى.
ئۇتبە قوشۇن بىلەن ئۇبەللە شەھىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. قوشۇندا ئۇنىڭ ئايالى ۋە قوشۇندىكىلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بولۇپ تۆت ـ بەشتەك ئايال بار ئىدى. ئۇلار يۈرۈش قىلىپ ئۇبەللە شەھىرىگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر قومۇشلۇققا چۈشتى. ئۇلاردا يېگۈدەك بىر نەرسە يوق ئىدى. قورساقلىرى بەك ئېچىپ كەتكەچكە قوشۇندىكى بەزى كىشىلەرگە ئۇتبە:
- بۇ يەردىن يېگىدەك بىر نەرسە ئىزدەپ بېقىڭلار، - دېدى.
ئۇلاردىن بىر قىسمى ئاچلىققا دال بولغۇدەك بىرنەرسە تېپىپ كېلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
كەتكەنلەرنىڭ تېپىپ كەلگەن تامىقى توغرۇلۇق ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ۋەقەلىك بار بولۇپ بۇنى تاماق ئىزدەپ كەتكەنلەردىن بىرىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلايلى:
«بىز يېمەكلىك ئىزدەپ بىر دەرەخزارلىققا كېلىپ قالدۇق، بۇ يەردە ئىككى سېۋەت بار بولۇپ بىرىنىڭ ئىچىدە خورما يەنە بىرىنىڭ ئىچىدە پوستى سېرىق بولغان ئاق دانچىلار بار ئىكەن، بىز ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ قوشۇن تەرەپكە قايتتۇق، ئىچىمىزدىن بىرى سېۋەتكە قاراپ: ‹بۇ دۈشمەنلەرنىڭ بىزگە تەييارلاپ قويغان زەھىرى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە بىر سېۋەتتىكى خورمىلارنى يېيىشكە باشلىدۇق، دەل شۇ چاغدا نوختىسىنى ئۈزۈۋالغان بىر ئات كېلىپ سېۋەتتىكى داننى يېيىشكە باشلاپتۇ، بىز ئاتنىڭ تېزلا ئۆلۈپ ھارام بولۇپ قېلىشىدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ گۆشىدىن پايدىلىنىۋىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تەمشىلىۋىدۇق ئاتنىڭ ئىگىسى قىشىمىزغا كېلىپ: ‹ئۇنى قويىۋىتىڭلار! مەن ئۇنى كېچىچە كۈزۈتەي، ئەگەر ئۇنىڭ ئۆلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى سەزسەملا مەن ئۇنى بوغۇزلىۋالىمەن› دېدى.
ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا بىز ئاتنىڭ ھېچقانداق بىر زىيان ـ زەخمەتسىز تۇرغانلىقىنى كۆردۇق، بۇ چاغدا سىڭلىم ماڭا: ‹ئاكا! مەن دادامدىن: زەھەر ئوتتا قىزدۇرۇلۇپ پىشىرۋىتىلسە زەرەر قىلالمايدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم› دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ھېلىقى دانچىدىن ئازراق ئېلىپ قازانغا سېلىپ ئوت قالاپ قىزىتىشقا باشلىدۇق، بىردەمدىن كېيىن سىڭلىم: ‹كېرىڭلار، ئۇنىڭ قانداق قىزارغانلىقىغا قاراڭلار!› دېدى. قارىساق ئۇنىڭ رەڭگى قىزىرىپ پوستى ئېتىلىشقا، ئىچىدىن ئاق دانچىلار ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىغان ئىدى. بىز ئۇنى يېيىش ئۈچۈن تاۋاقلارغا ئالدۇق، ئۇتبە بىزگە: ‹ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ يەڭلار!› دېدى. بىز ئۇنى يېدۇق، ئۇ ئىنتايىن تەملىك يېمەكلىك ئىكەن، بىز كېيىنچە بۇ يېمەكلىكنىڭ گۈرۈچ ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.»
ئۇتبە قوشۇنىنىڭ مەنزىلگاھى بولغان ئۇبەللە شەھىرى بولسا، دىجلە دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان سېپىللىق شەھەر بولۇپ، پارسلار بۇ شەھەرنى قورال ـ ياراغ ئىستىھكامى قىلغان ھەمدە دۈشمەنلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن سېپىل تاملىرىدىن روجەكلىك مۇنارلارنى سالغان ئىدى. لېكىن بۇلار ئۇتبەنىڭ كىچىك قوشۇنىنىڭ بۇ شەھەرگە كىرىشىنى توسۇپ قىلىشتا ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى. بۇ چاغدا بۇ ھۇجۇمچى قوشۇندا ئاز ساندىكى ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە يۈزدىن سەل ئارتۇق كىشى بار ئىدى. ئۇتبەنىڭ يېنىدا قىلىچ ۋە نەيزىدىن باشقا قورال يوق ئىدى. ئۇتبە ئەقىلنى ئىشقا سالماقتىن باشقا چارە يوقلۇقىنى تونۇپ يەتتى.
ئۇتبە ئاياللارغا ئۇچىغا بايراق چىگىلگەن نەيزىلەرنى تەييارلاپ بەردى ۋە ئۇلارنى بۇ بايراقلارنى كۆتۈرۈپ قوشۇننىڭ ئارقىدىن مېڭىشقا بۇيرۇپ:
- بىز شەھەرگە يېقىنلاشقىنىمىزدا سىلەر بىزنىڭ كەينىمىزدىن شۇنداق چاڭ ـ تۇزاڭ چىقىرىڭلاركى، بۇ توزاڭلار ھاۋانى بىر ئالسۇن! - دېدى.
ئۇلار يۈرۈپ ئۇبەللە شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا پارس قوشۇنلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئۆزلىرى تەرەپكە ئىلگىرىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەينىدە لەپىلداۋاتقان بايراقلارنى، ھاۋانى بىر ئالغان چاڭ- تۇزاڭنى كۆردى ـ دە، جىددىيىلىشىپ: «بۇ كېلىۋاتقانلار قوشۇننىڭ ئالدىنقى سېپى ئىكەن، ئۇلارنىڭ كەينىدە چاڭ ـ تۇزاڭ چىقىرىپ كېلىۋاتقان زور بىر قوشۇن بار ئوخشايدۇ، ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ سانىمىز ئاز» دېيىشكىنىچە كۆڭۈللىرىگە قورقۇنچ چۈشۈپ ئەنسىرگەن ۋە ئالاقزادە بولغان ھالدا ئۆزى يەڭگىل، پۇلى قىممەت نەرسىلىرىنى ئېلىشىپ دەجلە دەرياسىغا توختىتىلغان كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ ئالدىراپ قېچىپ كېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇتبە بۇ شەھەرگە بىرمۇ ئادىمىنى چىقىم قىلماستىن غەلىبە بىلەن كىردى ۋە بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىدى.
ئۇنىڭ قوشۇنى بۇ يەردىن ساناپ تۈگەتكۈسىز بايلىقلارنى ئولجا ئالدى. ھەتتاكى ئۇلاردىن مەدىنىگە قايتقانلاردىن بىرى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغۇچىلارغا:
- نېمىسىنى ئېيتىسىلەر؟! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ يەرگە ماڭغاندا ئۇلار ئالتۇن ـ كۈمۈشلەرنى جىڭلاۋاتقان ھالدا قالدى، - دېگەن. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇبەللە شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىشقا باشلىغان.
ئۇتبە بۇ شەھەردە تۇرغان قوشۇنىنىڭ بۇ باياشات مۇھىت ئىچىدە بۇ يەردىكىلەرنىڭ ناچار ئەخلاقلىرىنى يۇقتۇرۋېلىشىدىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئۇرۇش قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ بوشىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا بەسرە شەھرىنى قۇرۇش توغرۇلۇق خەت يازدى ۋە خېتىدە بەسرە شەھىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن تاللىغان ئورۇننىڭ لاھىيىسىنى سۈرەتلەپ بەردى، ئۆمەر ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى.
ئۇتبە يېڭى شەھەرنىڭ لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى ۋە قۇرۇلۇش قىلىشنى ئالدى بىلەن مەسجىد سېلىشتىن باشلىدى. بۇنىڭ ئەجەپلەنگىدەك يېرى بارمۇ؟ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مەسجىدلەرنى ئاۋات قىلىدىغان دىن ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلمىدىمۇ؟ مەسجىدلەرنىڭ پەزىلىتى بىلەن دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن نۇسرەت قازانمىدىمۇ؟ مەسجىد قۇرۇلۇشىدىن كېيىن ئۇرۇشقا چىققان بۇ جەڭچىلەر زېمىن بۆلۈشۈش ۋە ئۆي سېلىپ ئۇنى بېزەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. لېكىن ئۇتبە ئۆزىگە ئۆي سالماي رەختىن توقۇلغان چىدىردا ياشاۋەردى. چۈنكى ئۇنىڭ دىلىدا ئۆي سېلىشتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر خىيال ھۆكۈم سۈرەتتى.
ئۇ ۋاقتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بەسرە شەھىرىدىكى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلى كېتىپ قالغان ئادەملەردەك مال ـ دۇنياغا بېرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، تېخى تۈنۈگۈنلا پوستى ئېتىلغان گۈرۈچ تامىقىنى ئاران تاپالىغان ۋە ئۇنىڭ نېمىلىكىنى دەسلەپتە بىلەلمىگەن ھەمراھلىرىنىڭ بۈگۈن «فالۇۋزەج»، «لەۋزىنەخ» ۋە ئۇلاردىن باشقا ئېسىل ۋە تاتلىق پارس تاماقلىرىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغانلىقىنى كۆردى ـ دە، دىننىڭ ئاقىۋىتىدىن ناھايىتى ئەنسىردى. ئۆزىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەتلىكىدىن تېخىمۇ بەكرەك ئەنسىرەپ كىشىلەرنى كۇفە مەسجىدىگە يىغىپ ئۇلارغا خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
- ئى خالايىق! دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەر تۈگەپ كېتىدىغان نەرسىلەردۇر، ھەممىڭلار بۇ يەردىن مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان بىر ماكانغا كېتىسىلەر، سىلەر ئۇ يەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىلىرىنى ئېلىپ بېرىڭلار! مەن ئۆزۈمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان دەسلەپكى يەتتە كىشىنىڭ يەتتىنچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايمەن، ئۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ يەيدىغان نەرسىلىرىمىز بولمىغاچقا دەرەخ غازاڭلىرىنى يەيتتۇق، شۇنداق نەرسىلەرنى يەپ كالپۇكلىرىمىز يېرىلىپ كېتەتتى.
شۇ چاغلاردا بىر كۈنى مەن بىر پارچە يېپىنچا تېپىۋالدىم، مەن ئۇنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ يىرتتىم ۋە ئۇنىڭ بىر پارچىسىنى سەئد ئىبنى ۋەققاسقا بېرىپ، بىردىن ئىشتان قىلىپ كىيگەن ئىدۇق. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھەر بىرىمىز بىرەردىن شەھەرگە باشلىق بولدۇق. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆز نەزىرىمدە چوڭ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كىچىك بولۇپ قېلىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن… - دېدى.
كېيىن ئارىدىن بىرىنى ئورنىغا باشلىق قىلىپ تاللاپ قويۇپ مەدىنىگە يول ئالدى ۋە ئۆمەرنىڭ يېنىغا كىرىپ ئەمىلىدىن ئىستېپا سورىدى. ئۆمەر بۇنىڭغا قوشۇلماي ۋە ئۇنىڭ قايتا ـ قايتا يالۋۇرۇشلىرىغا قوشۇلماي ئۇنى يەنىلا بەسرە شەھىرىگە باشلىق قىلىپ مەجبۇرىي يولغا سالدى.
ئۇتبە قىلچە خالىمىغان بولسىمۇ ئۆمەرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ يولغا چىقتى. ئۇ تۆگىسىگە مىنىۋېتىپ:
- ئى ئاللاھ! مېنى بەسرە شەھىرىگە قايتۇرمىساڭ! ئى ئاللاھ! مېنى بەسرە شەھىرىگە قايتۇرمىساڭ! دەپ دۇئا قىلدى.
ئاللاھ ئۇتبىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۇ مەدىنىدىن ئايرىلىپ ئانچە ئۇزاق ماڭمايلا تۆگىسى پۇتلىشىپ كېتىپ، ئۇ تۆگىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ جان ئۈزدى.
ئاللاھ بىزلەرنىمۇ ئۇتبىگە ئوخشاش دۇنيادىن كۆڭلى سوۋىغان، ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان، پاك ئىمان، سەمىمىي، سادىق قەلىبلىك مۆمىنلەردىن قىلسۇن! بىزگىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش كۈچلۈك ئىمان ئاتا قىلىپ، ھەر بىر ئىشتا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەيدىغانلاردىن قىلسۇن! ئامىن!!!
نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد
بۆلۈم: “نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد”نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد ئۇرۇشنىڭ ھېلە- نەيرەڭ بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان كىشىدۇر.
نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد ئەزەلدىن ئەقىللىق، سەزگۈر، پىكرى ئۆتكۈر، قەيسەر ۋە چىداملىق كىشى ئىدى. ئۇ پەرىزىنىڭ توغرۇلۇقى، ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى ۋە ھۇشيارلىقى قاتارلىق ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىنئام قىلغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خاراكتېرلىنەتتى. ئۇنىڭدا سەھرادا ئۆسكەن ياشلارغا خاس شوخ، ئەركىن خاراكتېرمۇ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىناتتى.
ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس يەنە بىر خۇلقى بولۇپ ئۇ ئەيشى- ئىشارەتلىك، راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى ۋە كۆپىنچە بۇ خىل خاھىشىنى يەھۇدىيلارنىڭ قېشىغا بېرىپ شۇلار بىلەن بۇ جەھەتتە ھەمنەپەس بولۇش ئارقىلىق قاندۇراتتى. قاچانكى ئۇنىڭ كۆڭلى ناخشا- مۇزىكىنى تارتسا يۈك تاقلىرىنى تېڭىپ نەجدىدىن مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقاتتى ۋە كۆڭلىنى ئاچىدىغان يەھۇدىيلارغا كۆپلەپ پۇل بېرەتتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ مەدىنىگە قىلىدىغان سەپىرى كۆپ ھەم بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق ئىدى.
ئاللاھ بەندىلىرىگە پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى توغرا ۋە ھەق بولغان دىنغا ھىدايەت قىلىشنى خالىغان، مەككە زېمىنى بۇ مۇقەددەس نۇرنىڭ ھۆرمىتىدىن شەرەپلىنىشكە باشلىغان ئاشۇ مەزگىللەردە، نۇئەيم كۆڭۈل تىزگىنىنى ئۆز خاھىشىغا قويۇۋەتكەن ھالەتتە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ يېڭى دىننىڭ ئۆز ئارزۇسى بويىچە ياشىشىغا توسالغۇ بولۇشىدىن ئەنسىرەپ بۇ دىندىن يۈز ئۆرىگەن ئىدى.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ دۈشمەنلىرى قاتارىدىن سانىلىپ ئىسلامغا قارشىلىق بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىنىپ قېلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئەمما ئۇ ئەھزاب ئۇرۇشى بولغان كۈنى ئۆزى ئۈچۈن ئىسلام تارىخىدا داستان بولغۇدەك بىر يېڭى سەھىپە ئاچتى. ئۇنىڭ بۇ سەھىپىسىگە ئۇرۇشنىڭ ھىيلە- نەيرەڭلەر بىلەن بولىدىغانلىقىغا دەلىل بولغۇدەك ئاجايىپ بىر ۋەقەلىك يېزىلغان ئىدى.
نۇئەيم ھەققىدىكى بۇ ھېكايىنى ئەتراپلىقراق چۈشەنمەك ئۈچۈن، ئەھزاب ئۇرۇشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ھەققىدە بىر ئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەھزاب ئۇرۇشىدىن بىرئاز ۋاقىت ئىلگىرى مەدىنىدىكى بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىدىن بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دىنىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاشنى قارار قىلىشتى. بۇ قارارلىرىغا ئاساسەن ئۇلاردىن بىر تۈركۈم ئەلچىلەر مەككىگە بېرىپ قۇرەيش كاتتىلىرىنى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا قىزىقتۇردى ۋە قۇرەيش قوشۇنى مەدىنىگە يېتىپ بارغاندا ئۇلار بىلەن بىرلىشىدىغانلىقى ۋە ھەمكارلىشىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئۇلارغا ۋەدە بەردى.
بۇ ئەلچىلەر مەككىدىكى قۇرەيشلەرنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ نەجدەدىكى غەتفان قەبىلىسىگە باردى ۋە ئۇلارنىمۇ ئىسلامغا ۋە پەيغەمبەرگە قارشى چىقىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ بۇ يېڭى دىننى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ قومۇرۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن بىرلىشىشكە چاقىردى ھەم ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇرەيشلەر بىلەن ئارىلىرىدا بۇ توغرۇلۇق كېلىشكەنلىكلىرىنى دەپ بۇلار بىلەنمۇ ئەھدە تۈزۈشۈپ ئۇرۇش قىلىشنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىشتى.
قۇرەيشلەر ئەبۇ سوفياننىڭ قوماندانلىقىدىكى چوڭ- كىچىك ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور قوشۇن بىلەن مەدىنىگە ئۇلاغلىق ۋە پىيادە بولۇپ يولغا چىقىشتى. غەتفان قەبىلىسىمۇ ئۇيەينە ئىبنى ھېسسىنى غەتفانىنىڭ قوماندانلىقىدا نەجدىدىن ھەممىسى قومۇرۇلۇپ چىقىشتى. غەتفان قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى نۇئەيم ئىبنى مەسئۇدمۇ بار ئىدى.
بۇ بىرلەشمە قوشۇننىڭ خەۋىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى چاقىرتىپ ئۇلارغا قانداق قىلىش توغرۇلۇق مەسلىھەت سالدى. مەسلىھەتنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار بۇ چوڭ قوشۇننىڭ مەدىنىگە كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، مەدىنە سىرتىغا ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىدىغان خەندەك كولاشقا بىرلىككە كەلدى.
بىرلەشمە قوشۇن مەدىنىڭ يۇقىرىقى تەرىپىدە ئۇچراشقاندىن كېيىن بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى قوزغىلىپ مەككە ۋە نەجدىدىن كەلگەن بىرلەشمە قوشۇنغا ماسلىشىپ ئۇرۇشقا چىقىشقا قىزىقتۇردى.
بەنى قۇرەيزە كاتتىۋاشلىرى كەلگەنلەرگە:
- سىلەر دەل بىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئارزۇ قىلىۋاتقان بىر ئىشقا چاقىرىپ كېلىپسىلەر، لېكىن سىلەر بىز بىلەن مۇھەممەدنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىزنىڭ مەدىنىدە خاتىرجەم ياشىشىمىز بەدىلىگە ئۇنىڭ بىلەن تىنچ ئۆتۈشكە كېلىشكەن كېلىشىم بارلىقىنى بىلىسىلەر، ناۋادا مۇھەممەد بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ قالسا ۋەدىمىزنى بۇزغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى جازالىشىدىن، ھەتتا مەدىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىشىدىن قورقىمىز، - دېيىشتى.
ئەمما بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئۇلارنى بۇ كېلىشىمنى بۇزۇشقا قىزىقتۇرۇپ بۇ قېتىمقى جەڭدە مەغلۇبىيەت شەكسىز مۇسۇلمانلار تەرىپىدە بولىدىغانلىقىغا ئۇلارنى ئىشەندۈرۈشكە، ئىككى چوڭ گۇرۇھنىڭ ھەيۋىتى بىلەن ئۇلارنى روھلاندۇرۇشقا تىرىشىش ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتراتتى. نەتىجىدە بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى ئۇلارغا مايىل بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان كېلىشىمنى بۇزدى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنامىنى يېرتىپ تاشلاپ بۇ ئۇرۇشتا ئەھزاب قوشۇنى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر مۇسۇلمانلارغا بەكلا ئېغىر كەلدى.
ئەھزاب قوشۇنى مەدىنىنىڭ ئەتراپىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋىلىپ مەدىنىگە سىرتتىن كېلىدىغان يېمەك- ئىچمەك ۋە ياردەم يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھزاب قوشۇنلىرىنىڭ مەدىنە سىرتىدا مەدىنىنى قورشاۋغا ئالغان ھالەتتە تۇرغانلىقىنى، مەدىنە ئىچىدىكى بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىنىڭ دۈشمەنلەرگە قارىتا ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشقا تەييارلىنىپ ياتقانلىقىنى بىلدى. مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا مۇناپىقلىق كېسىلى بارلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى قىياپەتلىرىنى ئاشكارىلايدىغان: «مۇھەممەد بىزگە كىسرا ۋە قەيسەرنىڭ مال- دۇنياسىغا ئىگە بولىدىغانلىقىمىزنى دېگەن ئىدى، ئەمدى بولسا ھېچ بىر كىشى تاھەرەتكىمۇ خاتىرجەم چىقالمايۋاتىدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشقا باشلىدى. بۇنداق كىشىلەر ئۇرۇش بولۇپ قالسا بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن بىر- بىرلەپ ئايرىلىشقا باشلىدى. ھەتتا ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن پەقەتلا مۆمىنلەردىن نەچچە يۈزدەكلا ئادەم قالغانىدى.
يىگىرمە نەچچە كۈنگىچە داۋاملاشقان مۇھاسىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كېچىسى پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى ئاللاھ مەن سەندىن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭنى تىلەيمەن! ئى ئاللاھ مەن سەندىن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭنى تىلەيمەن!» دېدى.
دەل مۇشۇ كېچىسى نۇئەيم ئىبنى مەسئۇدنىڭمۇ ئۇيقۇسى قاچقان بولۇپ ئۇ ئۇيان- بۇيانغا ئۆرۈلۈپ ئوخلىيالمىدى، ئۇ كۆزلىرىنى سۈزۈك كېچە ئاسمىنىدا چاقناۋاتقان يۇلتۇزلارغا تىككىنىچە ئويلىنىشقا باشلىدى ۋە ئۆز- ئۆزۈگە: «ۋاي ساڭا ئى نۇئەيم!
سەن نەجدىدىن ئىبارەت ئاشۇ يىراق جايدىن ئۇ ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن نېمە سەۋەبتىن ئۇرۇشقىلى كەلدىڭ؟ سەن ياكى دەپسەندە قىلىنغان ھوقۇق ۋە ياكى تۆكۈلگەن ئابرۇينى دەپ ئۇرۇش قىلغىلى كەلمىدىڭ، بەلكى ھېچبىر سەۋەبسىزلا ئۇرۇش قىلغىلى كەلدىڭ، سەنچىلىك ئەقلى بار بىر كىشىنىڭ باشقىلارنى سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈشى ياكى ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەبكار بولۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟ ۋاي ئىسىت ساڭا! سەن نېمىگە ئاساسەن ئەگەشكۈچىلىرىنى ئادىلىققا، ئېھسان قىلىشقا، يېقىنلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان ئادەمگە قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولىسەن؟ ئۇ كىشى ئېلىپ كەلگەن ھەق ۋە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ قېنى بىلەن نەيزەڭنى بۇ ياشقا بۇيرىغان ئۇ سەۋەب زادى نېمە؟» دەيتتى. نۇئەيمنىڭ ئۆز- ئۆزى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ سۆھبىتى ئاخىرى ئۇنىڭغا كەسكىن بىر قارارنى ئاتا قىلدى، نۇئەيم بۇ قارارىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن شۇ ھامانلا ئاتلاندى.
نۇئەيم بىر يەردە ياتقان ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىدىن ئاستىغىنە سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېچە قاراڭغۇلىقىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار تەرەپكە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇئەيمنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن:
-
سەن نۇئەيم ئىبنى مەسئۇدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
-
ھەئە، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! - دېدى نۇئەيم.
-
بۇ كېچىدە سېنى بۇ يەرگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟
-
مەن بىر ئاللاھ تىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ۋە سېنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق ئېيتىشقا كەلدىم، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن مۇسۇلمان بولغىلى كەلدىم، قەۋمىم مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى بىلمەيدۇ، مېنى سەن خالىغان ئىشىڭغا بۇيرىغىن. - دېدى.
-
سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىزنىڭ بىردىن- بىر ئادىمىمىز بولۇسەن، سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ئۇلارنى بىزگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىمكانىيىتىڭنىڭ يېتىشىچە توسقىن، ئۇرۇش دېگەن نەيرەڭ.
-
بولىدۇ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن مەندىن سېنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشنى كۆرىسەن، - دېدى- دە، ئارقىغا بۇرۇلۇپ يۈرۈپ كەتتى.
نۇئەيم ئۇدۇل بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ قېشىغا باردى، ئۇنىڭ بۇرۇن ئۇلار بىلەن يېقىن دوستلىقى بار ئىدى. ئۇ:
-
ئى بەنى قۇرەيزە قوۋمى! سىلەر مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن سادىق ئىكەنلىكىمنى ۋە سىلەرگە بولغان دوستلىقىمنى بىلىسىلەر،- دېدى. ئۇلار بىردەكلا:
-
ھەئە! سەن بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بىرەر ئىشتىمۇ ئەيىبلىك ئەمەسسەن، - دېيىشتى قۇرەيزە قوۋمى.
-
قۇرەيش ۋە غەتان قوشۇنىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى ئەھۋالى سىلەرنىڭ ئەھۋلىڭلار بىلەن ئوخشىمايدۇ.
-
ئۇ قانداق ئەھۋال؟- دەپ سوراشتى.
-
بۇ يۇرت بولسا سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلار، بۇ يەردە سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار بار! سىلەر ئۇلارنى باشقىلارغا تاشلاپ قويۇپ كېتەلمەيسىلەر! قۇرەيش قەبىلىسى بىلەن غەتفان قەبىلىسىنىڭ ماللىرى، بالىلىرى، ئاياللىرى باشقا يۇرتتا، ئۇلار ھازىر مۇھەممەد بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كەلدى ۋە سىلەرنى مۇھەممەد بىلەن قىلىشقان ۋەدەڭلارنى بۇزۇشقا چاقىردى. سىلەر ھەم بۇنىڭغا ماقۇل بولدۇڭلار. ئەگەر ئۇلار بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا ھەممىڭلار غەنىمەتدار بولىسىلەر، ناۋادا مەغلۇپ بولسا ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا تىكىۋىتىدۇ، سىلەرنى بولسا مۇھەممەدكە تاشلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سىلەردىن قاتتىق ئىنتىقام ئالىدۇ… سىلەر مۇھەممەدكە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىڭلارنى ئوبدان بىلىسىلەر! - دېدى نۇئەيم. بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار:
-
ھەقىقەتەن راست گەپ قىلدىڭ، سېنىڭ قارىشىڭچە قانداق قىلساق توغرا بولىدۇ؟ - دېدى.
-
مېنىڭچە، سىلەر ئۇلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى گۆرۈگە ئالمىغىچە ئۇلار بىلەن بىرگە ئۇرۇش قىلماڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئۇلارنى تاكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگۈچە ياكى ئۇلاردىن ئاخىرقى بىر ئادەم قالغۇچە ئۇرۇشقا ئېلىپ چىقالايسىلەر! -بۇنى ئاڭلاپ يەھۇدىيلار:
-
سەن بىزگە يول كۆرسەتتىڭ، كۆيۈندۈڭ، - دېيىشىپ كەتتى.
نۇئەيم ئۇلارنىڭ قېشىدىن چىقىپ ئەبۇ سوفياننىڭ قېشىغا كەلدى، يەنى قۇرەيشلەرنىڭ قوماندانلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇلارغا:
-
ئى قۇرەيش خەلقى! سىلەر مېنىڭ سىلەرگە بولغان سەمىمىي دوستلۇقۇمنى ۋە مۇھەممەدكە بولغان ئۆچمەنلىكىمنى بىلىسىلەر… مەن بىر ئىشتىن خەۋەر تاپتىم، بۇ ئىشنى سىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشۇمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە ئۇ ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا يىغىشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرگە مەسلىھەت بەرمىسەم بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم. بىراق سىلەر بۇ سۆزلىرىمنى سىر تۇتۇڭلار، - دېدى. قۇرەيشلەر:
-
بىز سېنىڭ دېگىنىڭدەك قىلىمىز، - دېيىشتى ئۇلار نۇئەيمنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاشقا ئالدىراپ، - قېنى سۆزلە.
-
بەنى قۇرەيزە مۇھەممەدكە قارشى چىققىنىغا پۇشايمان قىلىپتۇ ۋە مۇھەممەدكە ئادەم ئەۋەتىپ: بىز قىلغان ئىشىمىزغا پۇشايمان قىلدۇق ۋە سەن بىلەن قايتا سۈلھى تۈزۈشۈپ يارىشىپ قىلىش نىيىتىگە كەلدۇق، قىلغان ئىشىمىزنىڭ بەدىلىگە قۇرەيش ۋە غەتفان قەبىلىسىدىن بىر قىسىم مۆتىۋەر كىشىلەرنى تۇتۇۋېلىپ ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرسەك رازى بولامسەن؟ تاكى سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانغا قەدەر بىز سەن بىلەن بىرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز دەپتۇ، مۇھەممەد بۇ تەكلىپكە قوشۇلۇپتۇ، ناۋادا ئۇلار سىلەردىن ئادەم سوراپ كەلسە ھەرگىز بەرمەڭلار، - دېدى.
بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ سوفيان:
- سەن نېمە دېگەن ياخشى ئىتتىپاقداش، ئاللاھ ساڭا كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن! - دېدى.
نۇئەيم بۇ يەردىن چىقىپ قوۋمى غەتفان قەبىلىسىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇلارغىمۇ ئەبۇ سوفيانغا دېگەن سۆزلەردەك سۆزلەرنى قىلدى ھەم ئەبۇ سوفياننى ئاگاھلاندۇرغان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇردى.
ئەبۇ سوفيان بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىشى ئۈچۈن ئوغلىنى ئەۋەتتى. ئوغلى ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ:
- دادام سىلەرگە سالام ئېيتتى، ۋە سىلەرگە: ‹بىزنىڭ مۇھەممەد بىلەن بولغان مۇھاسىرىمىز بەك ئۇزىراپ كەتتى، بىز ئاخىرى مۇھەممەدكە قارشى ئۇرۇش ئېچىش قارارىغا كەلدۇق…› دېگەن سۆزىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىمنى تاپىلىدى، ھەمدە سىلەرنى دادام بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ئۈچۈن چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىدى، - دېدى.
بەنى قۇرەيزە كاتتىلىرى ئەبۇ سوفياننىڭ ئوغلىغا:
- بۈگۈن شەنبە! بىز بۇ كۈندە ھېچ ئىش قىلمايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر بىلەن غەتفان قەبىلىسىدىكى مۆتىۋەرلەردىن بىزگە يەتمىش كىشىنى گۆرۆگە بېرىشكە رازى بولمىساڭلار بىز سىلەر بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا چىقمايمىز، ناۋادا ئۇرۇشۇش ئېغىر كەلسە سىلەر يۇرتۇڭلارغا بىزنى تاشلاپ كېتىۋىلىپ قۇتۇلىسىلەر، بىزنى بولسا مۇھەممەدكە تاشلاپ بېرىسىلەر، سىلەر بىلىسىلەر بىز ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ تەڭ كېلەلمەيمىز، - دېيىشتى.
ئەبۇ سوفياننىڭ ئوغلى قايتىپ كېلىپ بەنى قۇرەيزە قەۋىمىنىڭ دېگەنلىرىنى يەتكۈزدى. بۇنى ئاڭلاپ قۇرەيشلەر: «ھۇ مايمۇن، تۇڭگۇزلارنىڭ بالىلىرى! ئۇلار ئەمدى زىيان تارتتى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار بىزدىن بىر تال قوينىمۇ گۆرۆگە ئالالمايدۇ» دېيىشتى.
شۇنداق قىلىپ نۇئەيم ئەھزاب قوشۇنىنىڭ ئارىسىنى پارچىلاشتا تولۇق غەلىبە قىلدى، ئاللاھ قۇرەيش ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە شۇنچىلىك قاتتىق شىۋىرغانلىق بىر سوغۇق بوران ئەۋەتتىكى، بۇ شامال ئۇلارنىڭ چىدىرلىرىنى ئۆرۈپ قازانلىرىنى كۆمتۈرۈپ، ئوتلىرىنى ئۆچۈرۋەتتى ھەم ئۇلارنىڭ ئېغىز- بۇرۇنلىرىغا قۇم توشقۇزىۋەتتى. ئۇلار قاچىدىغان جاي تاپالماي قالدى- دە ئامالسىز كېچە قاراڭغۇلۇقىدىن پايدىلىنىپ تىكىۋەتتى.
تاڭ يورىغاندا مۇسۇلمانلار دۈشمەن قوشۇنىنىڭ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشاللىقلىرىنى باسالمىغان ھالدا:
- بەندىسىگە ياردەم بەرگەن، ئۆز قوشۇنىنى ئەزىز قىلغان، ئۆزى يەككە تۇرۇپ نۇرغۇن گۇرۇھنى مەغلۇپ قىلغان ئاللاھقا مىڭلارچە شۈكرىلەر بولسۇن! - دەپ توۋلىشىپ كەتتى.
شۇ كۈندىن باشلاپ نۇئەيم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنىسى ئەبۇ سوفيان مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنىنى كۆزدىن كەچۈرىۋېتىپ غەتفان قەبىلىسىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر ئادەمنى كۆردى ۋە يېنىدىكىلەردىن:
-
ئاۋۇ كىشى كىم؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار:
-
ئۇ نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد، - دەپ جاۋاب بەرگەندە ئەبۇ سوفيان:
-
بىزگە ئۇنىڭ خەندەك كۈنى قىلغان ئىشى ناھايىتى بەك يامان بولغان ئىدى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇنىڭ بۇرۇن مۇھەممەدكە ئاداۋىتى ناھايىتى بەك كۈچلۈك ئىدى، مانا بۈگۈن ئۇنىڭ ئالدىدا قوۋمىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ، ئۇ بىزگە ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن مۇھەممەدنىڭ بايرىقى ئاستىدا مېڭىپتۇ، - دېدى.
ئاللاھ نۇئەيمگە بارلىق مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسۇن! ھەمدە ئازغۇنلۇق ئىچىدىن توغرا يول تېپىپ ماڭالايدىغان ئەقىل- پاراسەت ئاتا قىلسۇن! خاتالىقلىرىمىزنى تۆھپىلەر يارىتىش ئارقىلىق يۇيۇش پۇرسەتلىرىنى ئاتا قىلسۇن! ئامىن!!!
ئەبۇ ئاس ئىبنى رەبئە
بۆلۈم: “ئەبۇ ئاس ئىبنى رەبئە”ئەبۇ ئاس ماڭا راست گەپ قىلدى، ھەمدە ۋەدە بېرىپ، ۋاپا قىلدى.
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئەبۇ ئاس ئىبنى رەبىئە كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولغان، قارىغان كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك جەزىبدارلىققا ئىگە نەۋقىران ياش بولۇپ، ئۇنىڭغا ئامەت ئوڭ كۈزى بىلەن قارىغان، ئۇنى يۇقىرى مەرتىۋەنىڭ زەربابلىرى ئورىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىدە يېتىلگەن پەخىرلەنگىدەك خىسلەتلىرى، ۋاپادارلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكتەك ئالىيجانابلىقى، ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن قالدۇرۇلغان يۈز ـ ئابرۇيلۇق مەرتىۋىسى ئۇنى ئەرەب چەۋەندازلىرى ئىچىدە ئالاھىدە بىر نەمۇنىلىك شەخسكە ئايلاندۇرغان ئىدى. ئەبۇ ئاس قۇرەيشلەرنىڭ تىجارەت دەستۇرىدىكى قىشلىق ۋە يازلىق تىجارەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى تىجارەت يولىنى مىراس ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ تىجارەت كارۋانلىرى مەككە بىلەن شام ئارىلىقىدا قىش- ياز توختىماي قاتناپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كارۋىنى يۈز تۆگە ۋە يۈز ئادەمدىن تەركىپ تاپقان چوڭ تىپتىكى بىر كارۋان بولۇپ، ئەبۇ ئاسنىڭ راستچىللىقى، ۋاپادارلىقى ۋە ئەقىل- پاراسىتىنى سىناقتىن ئۆتكۈزگەن مەككە ئەھلى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۇنىڭ تىجارىتىگە ئۆز مەبلەغلىرىنى قوشقان ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ھاممىسى بولۇپ، خەدىچە ئانىمىز ئۇنى خۇددى ئۆز ئوغلىدەكلا ياخشى كۆرەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەبۇ ئاسقا بولغان مۇھەببىتى خەدىچە ئانىمىزدىن قېلىشمايتتى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ قىزى زەينەب بويىغا يېتىپ خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك خۇش ـ پۇراق چېچىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا مەككە مۆتىۋەرلىرىنىڭ دىللىرى تەلپۈنۈشكە باشلىدى. ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشتىياق باغلىمىسۇن؟! چۈنكى زەينەب، نەسەبى ۋە مەرتىۋىسى جەھەتتە قۇرەيشلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلى؛ ئاتا ـ ئانىسى بولسا مەككىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلىرى؛ ئۆزى بولسا ئەدەپ ـ ئەخلاقتا ئاتا ـ ئانىسىنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرى بىلەن خۇلۇقلانغان تۇرسا، ئۇلار ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە قانداقمۇ تەلپۈنمىسۇن؟ شۇنداقلا ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە قانداقمۇ جۈرئەت قىلالىسۇن؟! ئۇلارنىڭ جۈرئەت قىلالماسلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى زەينەبنىڭ ھاممىسىنىڭ ئوغلى بولغان ئەبۇ ئاس ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان چوڭ بىر توسۇق ئىدى.
زەينەب بىلەن ئەبۇ ئاس توي قىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، مەككە زېمىنى پارلاق ئىلاھىي نۇر بىلەن نۇرلاندى. ئاللاھ ئۆز رەھمىتىنىڭ نىشانى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارغا ھەقنى يەتكۈزۈشكە، ئۆز يېقىنلىرىدىن باشلاپ كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ تۇنجىسى خەدىچە ئانىمىز بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قىزلىرى زەينەب، رۇقىيە، ئۇممۇ كۈلسۈم ۋە تېخى خىلىلا كىچىك بولغان فاتىمەلەر مۇ ئىمان كەلتۈردى.
ئەمما ئۇنىڭ كۈيئوغلى بولغان ئەبۇ ئاس ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ دىنىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرگەن ۋە ئەڭ سادىق مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان ئايالى قوبۇل قىلغان دىننى قوبۇل قىلالمىدى.
قۇرەيشلەر بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەندە، قۇرەيشلەر ئۆز ـ ئارا بىر ـ بىرىگە تاپا ـ تەنە قىلىشىپ: قويۇڭلار سىلەرنى! سىلەر مۇھەممەدنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇلىرىڭلارغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈۋەتتىڭلار، ناۋادا ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى قويدۇرۋەتسەڭلار ئۇنىڭ ھەيۋىسىمۇ سۇناتتى، دېيىشتى. ئۇلار بۇ پىكىرلىرىدىن سۆيۈنۈپ ئەبۇ ئاسنىڭ قېشىغا كېلىپ:
-
ئى ئەبۇ ئاس! ئايالىڭنى تالاق قىلىپ ئۇنى دادىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكۈزۋەتكىن، بىز سېنى قۇرەيشلەرنىڭ ئىچىدىن ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەڭ ياخشى ئاياللىرى بىلەن ئۆيلەپ قويىمىز، دېدى.
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى!
مەن ئايالىمدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دۇنيادىكى ھەر قانداق ئايالنى ئۇنىڭغا تەڭ قىلمايمەن، -دەپ كېسىپ جاۋاب بەردى ئەبۇ ئاس.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زەينەبتىن باشقا ئىككى قىزى رۇقىيە بىلەن ئۇممۇ كۈلسۈم تالاق قىلىنىپ قايتۇرۋېتىلگەن ئىدى. ئۇ ئىككىسىنىڭ قايتىپ كەلگىنىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەكسىچە سۆيۈنۈپ كەتتى، ئۇ ئەبۇ ئاسنىڭمۇ زەينەبنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن بۇ چاغلاردا مۆمىن ئاياللارنىڭ مۇشرىك بىلەن نىكاھلىنىشى تېخى چەكلەنمىگەن بولغاچقا بۇنىڭغا ئۇنى مەجبۇرلىيالمايتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان، ئىسلام دىنى كۈچەيگەن، قۇرەيشلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بەدرى ئۇرۇشى يۈز بەرگەن چاغدا ئەبۇ ئاسمۇ بۇ ئۇرۇشقا چىقىشقا مەجبۇرلانغان ئىدى. بەدرى ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى قۇرەيش مۇشرىكرىغا ناھايىتى ئېغىر بىر مەغلۇبىيەت ۋە خورلۇق ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ بۇرنىنى توپىغا مىلىدى. ھەددىدىن ئاشقان ئازغۇنلارنىڭ ھەيۋىسى قاتتىق يەرگە ئۇرۇلۇپ بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلسە بەزىلىرى ئەسىرگە چۈشتى يەنە بەزىلىرى بولسا رەسۋالارچە قېچىپ قۇتۇلدى. ئەسىرگە ئېلىنغانلارنىڭ قاتارىدا ئەبۇ ئاسمۇ بار ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسىرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇرىشى ئۈچۈن تۆلەيدىغان تۆلەم پۇلىنىڭ چېكىنى توختىتىپ بەردى. بۇ توختام مىقدارى ئەسىرلەرنىڭ قوۋمى ئىچىدىكى مەرتىۋىسى ۋە بايلىقىغا قاراپ مىڭ دەرھەمدىن تۆت مىڭ دەرھەمگىچە قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.
مەككە بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدا ئۆز ئۇرۇق ـ تۇغقانىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۆلەم پۇللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كېلىپ ـ كېتىۋاتقان ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. زەينەبمۇ ئەبۇ ئاسنى قۇتۇلدۇرۋېلىش ئۈچۈن بىر ئەلچىنى تۆلەم پۇلى بىلەن بىرگە ئەۋەتتى. ئۇنىڭ ئەۋەتكەن تۆلەم پۇلى ئىچىدە ئۇنىڭ تويى بولغان كۈنى ئانىسى خەدىچە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان بىر بولاپكىمۇ بار ئىدى. بۇ بولاپكىنى كۆرگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك يۈزىنى قايغۇ ـ ئەلەم قاپلىدى. ئۇ قىزىغا ئىچى ئاغرىپ ساھابىلارغا:
-
زەينەب بۇ ماللارنى ئەبۇ ئاسنىڭ تۆلەم پۇلى ئۈچۈن ئەۋەتىپتۇ، ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ ئېرى ئەبۇ ئاسنى قويۇپ بېرىشنى، بۇ ماللارنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى توغرا كۆرسەڭلار شۇنداق قىلىڭلار! - دېدى.
-
بولىدۇ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سېنى رازى قىلىش ئۈچۈن بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلساڭ شۇنى قىلىشقا تەييارمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ساھابىلەر.
لېكىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ ئاسنى قويۇپ بېرىۋېتىپ، ئۇنىڭ مەككىگە بارغان ھامان قىزى زەينەبنى مەدىنىگە يولغا سېلىپ قويۇشىنى شەرت قىلدى. ئۇ مەككىگە قايتىپلا ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ ئايالىنى دادىسىنىڭ ئەلچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىشقا بۇيرىدى ۋە ئايالىغا دادىسىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ مەككىدىن يىراق بولمىغان بىر جايدا ئۇنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئايالىنىڭ سەپەرگە لايىق ئوزۇق ـ تۆلىكىنى ۋە ئۇلاغلىرىنى تەييارلاپ قېرىندىشى ئەمرى ئىبنى رەبىئەنى ئايالى زەينەبكە ھەمراھ بولۇپ ئۇنى ساقلاۋاتقان كىشىلەرگە ساق ـ سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرىدى.
ئەمرى ئىبنى ئاس ئوقياسىنى دولىسىغا ئارتىپ، ئوقداننى ئېلىپ يەڭگىسى زەينەبنى كاجۇغا ئولتۇرغۇزۇپ كۈپ ـ كۈندۈزدىلا مەككىدىن يولغا چىقتى. ئۇنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئېلىپ ماڭغاچقا كىشىلەر تەۋرىنىپ كەتتى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ زەينەبكە تەھدىت سالدى. بۇ چاغدا ئەمرى ئوقياسىنى بەتلەپ ئۇلارغا:
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! كىم زەينەبكە يېقىنلىشىدىكەن ئۇنىڭ جېنىنى ئالىمەن!
-
دەپ كىشىلەرنى چېكىندۈردى. چۈنكى ئۇ ئاتقان ئوقى خاتا كەتمەيدىغان مەرگەن ئىدى. بۇ چاغدا كىشىلەر ئارىسىدا تۇرغان ئەبۇ سوفيان ئالدىغا چىقىپ:
-
ئى قېرىندىشىمىنڭ ئوغلى! قورالىڭنى يىغىشتۇر، بىز سۆزلىشەيلى، - دېدى. ئەمرى قورالىنى يىغىشتۇرۋالدى. ئەبۇ سوفيان ئۇنىڭغا، - سەن ياخشى قىلمىدىڭ، سەن زەينەبنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدىلا ئوچۇق ـ ئاشكارا ئېلىپ ماڭساڭ قانداق بولغىنى؟ ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بەدرىدىكى مەغلۇبىيىتىمىزنى ۋە مۇھەممەدنىڭ قولى ئارقىلىق بىزگە يەتكەن زىياننى بىلىدۇ. سەن مۇشۇنداق ئەھۋالدا زەينەبنى خەلقىئالەم ئالدىدا ئوچۇق ـ ئاشكارا ئېلىپ ماڭساڭ، باشقا قەبىلىلەر بىزنى قورقۇنچاق، يارامسىزلار! دەپ زاڭلىق قىلمامدۇ؟ سەن ھازىرچە زەينەبنى قايتۇرۇپ كەتكىن، كىشىلەر زەينەبنى قايتۇرۇپ كەتتى، دەپ ئويلىغاندا ئاندىن ئۇنى يوشۇرۇن ئېلىپ چىقىپ، دادىسىنىڭ ئەلچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگىن، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتىمىز يوق، - دېدى. ئەمىر بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ زەينەبنى مەككىگە قايتۇرۇپ ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتكەندە كېچىسى ئېلىپ چىقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ قايتىپ كەلدى.
ئەبۇ ئاس ئايالى زەينەبتىن ئايرىلغاندىن كېيىن مەككىدە بىر مەزگىل تۇردى ۋە مەككە فەتھى قىلىنىشتىن سەل ئىلگىرى شامغا تىجارەتكە باردى. ئۇ 200 تۆگە ۋە 175 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان كارۋىنى بىلەن مەككىگە قايتىشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنلىرىدىن بىرى مەدىنىگە يېقىن بىر جايدا ئۇنىڭ كارۋىنىنى توسۇپ، كارۋانلارنى ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ ماڭدى. لېكىن ئەبۇ ئاس قېچىپ كېتىپ قولغا چۈشمىدى. كېچە كېلىپ قاراڭغۇلۇق ئۆز پەردىسىنى تاشلىغاندا ئەبۇ ئاس قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇنغان ۋە ئېھتىيات قىلغان ھالدا مەدىنىگە كىرىپ زەينەبنىڭ ئۆيىگە كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلىدى، زەينەب ئۇنىڭغا پاناھلىق بەردى.
ئەتىسى ئەتىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزى ئۈچۈن مەسجىدكە چىقىپ مىھرابتا تۇرۇپ ناماز ئۈچۈن تەكبىر ئوقۇۋاتقاندا زەينەب ئاياللار ئارىسىدا تۇرۇپ:
-
ئى خالايىق! مەن مۇھەممەدنىڭ قىزى زەينەب، مەن ئەبۇ ئاسقا پاناھلىق بەردىم، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىڭلار! - دەپ توۋلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدىن كېيىن سالام بېرىپ بولۇپ كىشىلەرگە قاراپ:
-
مەن ئاڭلىغاننى سىلەرمۇ ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ - دەپ سورىدى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى:
-
ھەئە، ئاڭلىدۇق؟ - دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە قايتتى ۋە قىزى زەينەبكە:
-
سىز ئەبۇ ئاسنى ھۆرمەتلەڭ، لېكىن شۇنى بىلىڭكى ئۇ سىزگە ھالال بولمايدۇ، - دېدى. ئاندىن ئۇ مال ۋە ئادەملەرنى ئولجا ئالغان ساھابىلارنى چاقىرىپ:
-
سىلەر ئەبۇ ئاسنى بىلىسىلەر، سىلەر ئۇنىڭ ماللىرىنى غەنىمەت ئالدىڭلار، ئەگەر سىلەر ياخشىلىق قىلىپ ئۇنىڭ ماللىرىنى قايتۇرۇپ بەرسەڭلار بىز ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشنى قىلغان بولىسىلەر، ناۋادا قايتۇرۇپ بەرمەيمەن، دېسەڭلارمۇ مەيلى، چۈنكى ئۇ سىلەرگە ئاللاھ بەرگەن غەنىمەت، سىلەر ئۇنىڭغا ھەقلىق، - دېدى.
-
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز ئۇ ماللارنى قايتۇرۇپ بېرەيلى! - دېيىشتى ساھابىلەر.
ئەبۇ ئاس ماللىرىنى قايتۇرۋالغىلى كەلگەندە ساھابىلەر ئۇنىڭغا:
-
ئى ئەبۇ ئاس! سەن قۇرەيشلەر ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەرسەن، سەن ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ كۈيئوغلىسەن، سەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولساڭ، بىز ساڭا بۇ ماللارنىڭ ھەممىسىنى بەرسەك، سەن قېشىڭدىكى مەككە ئەھلىنىڭ بۇ ماللىرىدىن پايدىلىنىپ بىز بىلەن بۇ يەردە قالساڭ بولمامدۇ؟
-
دېۋېدى، ئۇ:
-
سىلەرنىڭ مېنى بۇ يېڭى دىنغا ئۆز دىنىمدىن ئالدامچىلىق بىلەن چاقىرىشىڭلار نېمە دېگەن يامان! - دەپ جاۋاب بەردى.
ئەبۇ ئاس ماللىرىنى ئېلىپ كارۋىنى بىلەن مەدىنىدىن يۈرۈپ كەتتى ۋە مەككىگە بېرىپلا ھەر بىر ھەق ئىگىسىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن:
-
ئى قۇرەيش خەلقى! مەندە بىرەرسىڭلارنىڭ ھەققى قالدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
-
يوق، ساڭا ئاللاھ ياخشى مۇكاپات بەرسۇن! بىز سېنىڭ ئىنتايىن ۋاپادار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق! - دېيىشتى، ئەبۇ ئاس ئۇلارغا قاراپ:
-
مەن سىلەرنىڭ ھەقلىرىڭلارنى بېرىپ بولدۇم، ئەمدى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مېنىڭ مەدىنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئىمان كەلتۈرۈشۈمدىن پەقەتلا سىلەرنىڭ مېنى: «ماللىرىمىزنى يەۋالماقچى بولۇپ شۇ باھانىنى تاپقانمىكىن…» دەپ گۇمان قىلىپ قېلىشىڭلارلا توسۇپ قالغان ئىدى، مانا ئەمدى ئاللاھ ئالدىدا سىلەرنىڭ ھەقلىرىڭلارنى ئادا قىلىپ بولغىنىمدا ۋە ئۈستۈمدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ بولغىنىمدا مۇسۇلمان بولدۇم…! - دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەككىدىن چىقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدى ۋە ئۇنىڭغا ئايالى زەينەبنى قايتۇرۇپ بەرى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم: «ئەبۇ ئاس ماڭا قىلغان سۆزىدە راستچىل بولدى! ماڭا قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى!» دەيتتى.
ئاسىم ئىبنى سابىت
بۆلۈم: “ئاسىم ئىبنى سابىت”كىمكى ئۇرۇش قىلسا ئاسىم ئىبنى سابىتتەك ئۇرۇش قىلسۇن!
- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
پۈتۈن قۇرەيشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئوھۇد تېغىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى بەدىر ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش ئىستىكىدە يانغان ئۆچمەنلىك ئوتلىرى ئۆرتەپ تۇراتتى. ئۇلار بۇ ئۇرۇشقا ئەرلىرىنىلا ئېلىپ چىقىپ قالماي، بەلكى ئۇرۇش مەيدانىدا ئەسكەرلەرگە مەدەت بېرىش، ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇش… ئۈچۈن قۇرەيشلەرنىڭ ئىچىدىكى ئىززەتلىك خانىم قىزلارنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىقىشقانىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ سوفياننىڭ ئايالى ھىند، ئەمرى ئىبنى ئاسنىڭ ئايالى رىيتە، ئېرى بىلەن بىرگە مۇساپە، جۇلاس ۋە كىلاب قاتارلىق ئۈچ بالىسى بىلەن بىرگە چىققان سۇلافە دېگەن ئايالمۇ بار ئىدى.
ئىككى قوشۇن ئوھۇد تېغى باغرىدا ئۇچرىشىپ، ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلدىغان پەيتتە، ئۆتبىنىڭ قىزى ھىند ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان باشقا ئاياللار قوللىرىغا داپلىرىنى ئېلىشىپ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ:
سالغۇمىز يولغا پايانداز، قۇچسىڭىز شانۇ زەپەر،
سۆيگۈمىزنىڭ تەپتى ئۆچكەي، قاچسىڭىز دەرۇبەدەر.
دەپ شېئىر ئوقۇشقىلى تۇردى. بۇنىڭ بىلەن قۇرەيش تەرەپنىڭ ئاتلىقلىرى تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە مۇشرىكلار تەرەپتە بولدى. غەلىبە خۇشاللىقىدا مەستخۇش بولغان ئاياللار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ تەنتەنە قىلىشقان ھالدا ئۇرۇش مەيدانىلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، ئۆلۈكلەرنىڭ قورساقلىرىنى يېرىشقا، كۆزلىرىنى ئويۇشقا، قۇلاقلىرىنى، بۇرۇنلىرىنى كېسىشكە باشلىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇسۇلمان شېھىتلارنىڭ جەسىتىدىن كېسىۋالغان بۇرۇن قۇلاقلارنى بەدىردە ئۆلتۈرۈلگەن ئاتىلىرى، ئاكا ـ ئۇكىلىرىنىڭ ئىنتىقامى ئۈچۈن، بۇلاپكا، ھالقا قىلىپ زىننەت ئورنىدا ئېسىۋېلىشتى.
لېكىن سۇلافىنىڭ ئەھۋالى بۇ ئاياللارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىمايتتى، ئۇ چەكسىز بىئاراملىق ۋە تىت ـ تىتلىق ئىچىدە ئېرى ۋە ئۈچ بالىسىنىڭ تېزرەك قايتىپ كېلىشىنى، ئۇلار بىلەن بىرگە غەلىبە خۇشاللىقىنى تەن ـ تەنە قىلىشنى كۈتەتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۈتۈشى بىكارغا كەتتى. قانچە كۈتسىمۇ ئۇلارنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرگەن سۇلافە ئاخىرىدا ئۇرۇش مەيدانىغا كىرىپ ئۆلۈكلەر ئارىسىدا ئارىلاپ ھەر بىر جەسەتنىڭ چىرايىغا دىققەت قىلىپ قاراشقا باشلىدى. ئۇ تۇيۇقسىز قانغا مىلىنىپ ياتقان ئېرىنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تونۇپ قالدى. ئۇ خۇددى غالجىرلاشقان چىشى يولۋاسقا ئوخشاش چېپىپ، ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن ئوغۇللىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئاخىرىدا ئۈچىلى بالىسىنىڭ ئوھۇد تېغى باغرىدا ياتقانلىقىنى، مۇساپە بىلەن كىلابنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، جۇلاسنىڭ بولسا ئاخىرقى تىنىقىدا جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
سۇلامە سەكرات ئازابىدا جان تالىشىۋاتقان ئوغلىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئوغلىنىڭ بېشىنى قۇچىغىغا ئالدى. ئۇنىڭ پىشانىسى ۋە يۈز ـ كۈزلىرىدىكى قانلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى. قاتتىق قايغۇرغانلىقىدىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇرۇپ قالغانىدى. ئۇ ئوغلىدىن:
-
ئى ئوغلۇم! سېنى كىم يېقىتتى؟ - دەپ سورىدى، جۇلاس ئانىسىنىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ لېكىن ئاغرىق ئازابىدىن ئۇ سۆزىلىيەلمەيۋاتاتتى. ئانا سوئالىنى قايتىلىدى، جۇلاس ناھايىتى تەسلىكتە:
-
مېنى ئاسىم ئىبنى سابىت يىقىتتى ۋە … قېرىندىشىم مۇساپەنى… - دېگىنىچە جان ئۈزدى.
سۇلافە چاچلىرىنى يۇڭدىغىنىچە ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ قۇرەيشلەر ئاسىم ئىبنى سابىتنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ باش سۆڭىكىدە ھاراق ئىچمىگىچە كۆز يېشىنىڭ قۇرۇمايدىغانلىقا لات ۋە ئۇززالار بىلەن قەسەم ئىچتى ۋە يەنە ئاسىمنى ئەسىرگە ئېلىپ ياكى ئۆلتۈرۈپ بېشىنى ئېلىپ كەلگەنلەرگە ئېسىل ماللاردىن خالىغانچە بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
بۇ خەۋەر قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئىچىدە تىزلا تارقالدى، مەككە ياشلىرىنىڭ ھەر بىرى ئاسىمنى قولغا چۈشۈرۈپ ياكى ئۇنىڭ بېشىنى سۇلافەگە ئەكېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ ئېسىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشتى.
مۇسۇلمانلار ئوھۇد ئۇرۇشىدىن كېيىن مەدىنىگە قايتتى، ئۇلار ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىكى ئىشلارنى ئەسلىشەتتى، ئۇرۇشتا شېھىت قىلىنغان شېھىتلەرنى ئەسلىشەتتى. ئۇلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىشەتتى. ئۇرۇشتىكى ماھىر چەۋاندازلارنىڭ نەتىجىلىرىنى ماختىشاتتى. ئۇلار تەرىپلىشىۋاتقان كىشىلەر ئىچىدە ئاسىم ئىبنى سابىتمۇ بار بولۇپ، كىشىلەر ئاسىمنىڭ جەڭدىكى باتۇرلىقى، ئۇنىڭ بىر ئائىلىدىن بولغان ئۈچ ئاكا ـ ئۇكىنى بىراقلا ئۆلتۈرگەنلىكىنى ماختاشتى. ئارىدىن بىرى:
- بۇنىڭ ئەجەپلەنگىدەك نېمىسى بار، ئېسىڭلاردىمۇ!
دەسلەپ بەدىر ئۇرۇشىغا چىققۇچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزدىن قانداق ئۇرۇشىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا سورىغاندا ئاسىم: ئوقياسىنى قولىدا تۇتقان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئەگەر قارشى تەرەپ يۈز گەز يېقىنلاشسا بۇ چاغدا جەڭ ئوقيا ئېتىش بىلەن، دۈشمەن نەيزە بويى يېقىنلاشسا نەيزە بىلەن، نەيزە سۇنۇپ ياكى ئىگىلىپ كەتسە نەيزىنى تاشلاپ قىلىچ بىلەن بولىدۇ يەنى جەڭنى قىلىچ بىلەن قىلىمىز» دېۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئۇرۇش مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، كىمكى ئۇرۇشماقچى بولسا ئاسىم ئۇرۇش قىلغاندەك قىلسۇن!» دېگەن ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
ئوھۇد ئۇرۇشى بولۇپ ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەردىن ئاسىم ئىبنى سابىت قاتارلىق ئالتە كىشىنى تاللاپ، ئاسىمنى ئۇلارغا باشلىق قىلىپ مۇھىم ئىش ئۈچۈن بىر يەرگە ئەۋەتتى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى ۋە سەپەردە مەككىگە يېقىن بىر جايدا كېتىۋاتقاندا ھۇزەيفىلىكلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇلارنى سېزىپ قېلىپ ئۇلارنى قورشىۋالدى. بۇ ئالتىسى ئۇلار بىلەن ئېلىشماقچى بولغاندا ھۇزەيفىلىكلەر ئۇلارغا:
- سىلەر بىزگە تەڭ كېلەلمەيسىلەر! تەسلىم بولساڭلار بىز سىلەرگە يامانلىق قىلمايمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ۋەدە بېرىمىز، - دېيىشتى.
بۇ چاغدا ساھابىلەر قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەندەك بىر ـ بىرىگە قاراشتى، ئاسىم بۇرادەرلىرىگە:
- مەن مۇشرىكلارنىڭ قولىغا چۈشمەيمەن،- دېگىنىچە سۇلابىنىڭ جاكارلىغان قەسىمىنى ئەسلىدىدە قىلىچىنى يالاڭاچلاپ تۇرۇپ ئاللاھقا،- ئى ئاللاھ، مەن دىنىڭنى قوغدايمەن! ئى ئاللاھ، مەن دىنىڭنى قوغدايمەن! سەن مېنىڭ گۆش ـ سۆڭەكلىرىمنى قوغدىغىن! ئۇنى دۈشمەنلىرىڭدىن بىرەرسىنىڭ قولىغا چۈشۈرمىسەڭ!… - دەپ دۇئا قىلدى ـ دە، ھۇزەيفىلىكلەرگە قاراپ ئېتىلدى. بۇرادەرلىرىدىن ئىككىسى ئۇنىڭغا ئەگەشتى ۋە قاتتىق ئېلىشىپ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى شېھىت قىلىندى. قالغان ئۈچىسى تەسلىم بولغان ئىدى، ئۇلارنىمۇ ئۇ مۇشرىكلار ئالداپ قولغا چۈشۈرۋالغاندىن كېيىن قەبىھ يوللار بىلەن ئۆلتۈرۋېتىشتى.
ھۇزەيفىلىكلەر دەسلەپتە ئۆزلىرى ئۆلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئاسىم ئىبنى سابىتنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەيتتى. كېيىن بۇنى بىلگەندە ئۇلار ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى ۋە نۇرغۇن مۇكاپاتتىن ئۈمىدلىنىپ كېتىشتى. نېمىشقا خوش بولمىسۇن؟! چۈنكى ئۇلار ئەسلىدە ئۆلتۈرسە نۇرغۇن مۇكاپات بېرىلىشى شەرت قىلىنغان بىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆلتۈرگەن تۇرسا!
ئاسىم ئىبنى سابىت ئۆلتۈرۈلۈپ ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتە ـ ئۆتمەي قۇرەيشلىكلەر بۇنى ئاڭلىدى، چۈنكى ھۇزەيفىلىكلەرنىڭ ماكانى مەككىگە يېقىنلا بىر جايدا ئىدى. ئۇلار سۇلابىنىڭ ھەسرىتىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئاسىمنىڭ بېشىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ ھۇزەيفەلىكلەرگە نۇرغۇن سوغا ـ سالاملار بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى. ھۇزەيفەلىكلەر ئاسىمنىڭ كالىسىنى كېسىش ئۈچۈن جەسەتنىڭ قېشىغا كېلىشتى، بىراق جەسەتنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇنلىغان ھەرىلەر ئولاشقان بولۇپ بۇ ھەرىلەر ھەر بىر يىقىنلاشقۇچىنى چېقىپ ھېچكىمنى جەسەت قېشىغا يېقىن كەلتۈرمىدى، ئۇ كىشىلەر: كەچ بولسۇن، كەچتە ھەسەل ھەرىلىرى تارقايدۇ، شۇ چاغدا كېلەرمىز، دەپ يېقىن بىر يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇشتى. بىراق كۈندۈز كېتىپ كېچىنىڭ كېلىشى بىلەن ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ شۇنچىلىك قاتتىق يامغۇر ياغدىكى، گوياكى زېمىن يۈزىدىكى جانلىقلار بۇنداق قاتتىق يامغۇر كۆرمىگەن ئىدى. پۈتكۈل جىلغىلار شۇنداق تېزلىكتە سۇغا تولۇپ كەتتى. ھەممە يەر كەلكۈننىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا قالدى.
تاڭ ئاتقاندا ئۇلار ئاسىمنىڭ جەسىتىنى ئىزدىشىپ ھەممە ياقلارغا بېرىپ باققان بولسىمۇ ھېچنەردىن تاپالمىدى. چۈنكى كەلكۈن ئۇنىڭ جەسىتىنى يىراق ـ يىراق جايلارغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ئاللاھ ئاسىمنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ پارچىلىنىشتىن، مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭ بېشىدا ھاراق ئېچىشىدىن ساقلاپ قالغانىدى.
ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئاللاھ ھەرگىزمۇ مۆمىنلەرگە قارشى ھالدا كاپىرلارغا ياردەم بەرمەيدۇ!
ئەبباد ئىبنى بېشىر
بۆلۈم: “ئەبباد ئىبنى بېشىر”ئەنسارىلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ كىشى بار، پەزىلەتتە ھېچكىم ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ، ئۇلار سەئد ئىبنى مۇئاز، ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير، ئەبباد ئىبنى بېشىر قاتارلىقلاردۇر.
- مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى- ئائىشە
ئەبباد ئىبنى بېشىر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك چاقرىقىغا ئاۋاز قوشقان بىر نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر. ناۋادا سىز ئۇنى ئىبادەتكارلار ئىچىدىن ئىزلىسىڭىز ئۇنىڭ تەقۋا، پاك، كېچىسى قۇرئان ئوقۇپ قىيامدا تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى؛ ناۋادا ئۇنى باتۇرلار ئارىسىدىن ئىزلىسىڭىز ئۇنىڭ باتۇر، قورقماس، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان جەسۇر مۇجاھىد ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ناۋادا ئۇنى مۇسۇلمان رەھبەرلىرى ئىچىدىن ئىزلىسىڭىز ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ مال- مۈلكىگە ئىشەنچلىك، ئادىل، دىيانەتلىك بىر كاپالەتچى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ھەتتا ھەزرىتى ئائىشە ئۇ ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن بولغان ئىككى ئەنسارى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەنسارىلاردىن ئۈچ كىشى بار، ھېچكىم پەزىلەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق بولالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئابدۇل ئەشھەل قەبىلىسىدىن بولغان سەئد ئىبنى مۇئاز، ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير، ئەبباد ئىبنى بېشىر قاتارلىقلاردۇر» دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك نۇرلىرى مەدىنە زېمىنىدا پارلاشقا باشلىغاندا ئەبباد يېشى تېخى ئونبەشتىن ئاشمىغان ياش- ئۈسمۈر بولۇپ، گەرچە ئۇ تېخى ياشلىقىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا قەدەم قويغان بولسىمۇ ئۇنىڭدا دىيانەت، پاكلىق نۇرلىرى نۇرلىنىپ ھەر بىر ئىش ھەرىكەتلىرىدە چوڭلارچە تەمكىنلىك ۋە پاراسەت ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
ئەبباد مەككىلىك ياش تەشۋىقاتچى ئۆمەيرنىڭ يېنىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ناھايىتى تىزلا ئۇلار ئارىسىدا ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلغان دوستلۇق رىشتىلىرى باغلىنىپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پاكلىق، ئەخلاقلىق بولۇشتەك خۇلۇقلىرى بىر ـ بىرلىرىدىن ئۆز ئۆرنەكلىرىنى تېپىشتى.
ئەبباد ھەمىشە مۇڭلۇق تەسىرلىك ئاۋازدا قۇرئان ئوقۇۋاتقان مۇسئەبكە قۇلاق سالاتتى، ئاڭلىغان قۇرئان سۆزلىرى ئۇنىڭ يۇمران قەلبىگە نەقىشتەك ئورنىشىپ قالاتتى. ئۇ قۇرئان ئوقۇشنى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان بولۇپ، كېچە كۈندۈز مېڭىش تۇرۇشلىرىدا قۇرئاننى تەكرارلايتتى. ھەتتا ئۇ ساھابىلەرنىڭ ئارىسىدا “يېتەكچى” ۋە “قۇرئاننىڭ دوستى” دەپ نام ئالدى.
بىر كۈنى كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەنىڭ مەسجىدكە يېقىن سېلىنغان ھۇجرىسىدا تۇرۇپ مەسجىدتىن ئاڭلىنىۋاتقان، قۇرئاننى خۇددى ئۆزىنىڭ دىلىغا چۈشۈرگەندەك ئۆز لەۋزى بويىچە ئوقۇۋاتقان بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
-
ئى ئائىشە بۇ ئەببادنىڭ ئاۋازىمۇ؟- دەپ سورايدۇ.
-
شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! - دەپ جاۋاب بېرىدۇ ئائىشە.
-
ئى ئاللاھ! سەن ئەببادقا مەغپىرەت ئاتا قىلغىن! - دەپ دۇئا قىلدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
ئەبباد ئىبنى بېشىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بارلىق ئۇرۇشلارغا قاتناشقان بولۇپ، شۇ ئۇرۇشلاردا ئۇنىڭ قۇرئاننى ياد ئالغان قارىيلارغا لايىق پەزىلەتلىرى نامايەندە بولغان ئىدى. ئۇنىڭ بىر مىسالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاتىرىقا ئۇرۇشىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ كېچىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر جىلغىغا چۈشكۈن قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلاردىن بىرى بىر مۇشرىك ئايالنى ئەسىرگە ئالغانىدى. ئۇنىڭ مۇشرىك ئېرى ئايالىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىپ ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكمىگىچە قايتمايدىغانلىقى توغرۇلۇق بۇتلىرى لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەم ئىچتى.
مۇسۇلمانلار چۈشكۈن قىلغان بۇ جىلغىغا ئات ـ ئۇلاغلىرىنى جايلاشتۇرۇپ تۇرۇشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:
-
بۇ كېچە كىم كۈزەتچىلىك قىلىدۇ؟- دەپ سورىدى. ئەبباد بىلەن ئەممار ئىبنى ياسىر تەڭلا:
-
بىز! - دەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىككىسىنى قېرىنداش قىلىپ قويغانىدى. بۇ ئىككىسى بىرلىكتە جىلغا ئېغىزىغا چىقتى. ئەبباد قېرىندىشى ئەمماردىن:
-
كېچىنىڭ قايسى يېرىمىدا ئۇخلايسەن، ئەۋۋەلىدىمۇ ياكى ئاخىرىدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
-
مەن بۇرۇن ئۇخلاي، - دەپ يېقىنلا يەردە ياتتى ئەممار.
كېچە تىنچ ئىدى. يۇلتۇزلار، دەل ـ دەرەخلەر، تاش ـ تۇپراقلار ئاللاھقا مەدىھىيە ئوقۇشاتتى. بۇ چاغدا ئەببادنىڭ دىلى ئىبادەت قىلىشنى خالاپ، قۇرئان ئوقۇشقا قىزىقتى. ئۇ قۇرئاننىڭ نامازدا ئوقۇغان ۋاقتىدىكى شىرىنلىك تۇيغۇسىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ نامازنىڭ مەنپەئەتى بىلەن نامازدا ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ مەنپەئەتىنى تەڭ ئېلىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ قىبلىگە يۈزلىنىپ نامازغا تۇردى ۋە ناھايىتى مۇڭلۇق، شېرىن بىر ئاۋازدا سۈرە كەھفنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئەبباد بۈيۈك ئىلاھىي بىر تۇيغۇنىڭ باغرىغا شۇڭغۇپ كېتىۋاتقاندا ھېلىقى مۇشرىك ئايالنىڭ ئېرى بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى ـ دە، جىلغا ئېغىزىدا تىك تۇرغان بىرىنى يىراقتىنلا كۆرۈپ: بۇ مۇھەممەدنىڭ كۈزەتچىسى، باشقىلار چوقۇم جىلغا ئىچىدە دەپ ئويلاپ ئوقياسىنى بەتلەپ ئوقنى دەل ئەببادقا قارىتىپ نىشانلاپ ئاتتى. ئوق ئۇنىڭغا تەگدى. ئەمما ئەبباد ئوقنى يۇلۇپ ئېلىۋېتىپ نامىزىنى داۋاملاشتۇردى. يەنە بىر تال ئوق تەگدى. ئۇ ئۇنىمۇ ئېلىۋېتىپ نامىزىنى داۋاملاشتۇردى. ئۈچىنچى تال ئوق تەككەندە ئەبباد بۇ ئوقنىمۇ ئېلىۋېتىپ ئۆمىلەپ بارغىنىچە ئەممارنى ئويغاتتى ۋە ئۇنىڭغا:
- ئى ئەممار! ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مېنى جاراھەت ئاجىزلاشتۇرۇپ قويدى، - دېدى. ھېلىقى ئەر بۇلارنى كۆرۈپ قېچىپ كەتتى.
ئەممار ئەببادنىڭ ئۈچ يېرىدىن ئېقىۋاتقان قاننى كۆرۈپ:
-
يا سۇبھان ئاللاھ! بىرىنچى تال ئوق تەككەندىلا مېنى چاقارساڭ بولماسمىدى؟- دېدى.
-
مەن شۇنداق بىر سۈرىنى نامازدا ئوقۇۋاتقان ئىدىمكى، ئۇنى ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپ نامازنى تاماملاشنى خالىمىدىم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزنى ساقلاشقا بۇيرۇغان بۇ جىلغا ئېغىزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى دېمىگەن بولسام ماڭا قانچىلىغان ئوقلارنىڭ تېگىپ، ھەتتا جېنىمنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر مەن بۇ سۆرىنى ئۈزۈپ قويۇشنى خالىمايتتىم.
ئابابەكرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) نىڭ خەلىپىلىكى دەۋرىدە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار دىندىن يېنىپ مۇسەيلىمە كەززابنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەندە، يالغانچى مۇسەيلىمەنى يوقىتىش، دىندىن يانغانلارنى ئىسلام دىنىغا قايتا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئابا بەكرى زور بىر قوشۇن تەييارلاپ يولغا سالدى، ئەبباد بۇ قوشۇننىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىدى.
ئەبباد ئۇرۇش داۋامىدا ئەنسارىلار بىلەن مۇھاجىرلارنىڭ ئارىسىدا بىر ـ بىرىگە يۆلۈنىۋېلىشى سەۋەبىدىن كىشىنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرغۇدەك ۋە غەزەپلەندۈرگۈدەك بىر ھالەتنىڭ شەكىللىنىپ، ئۇرۇشتا ھېچبىر نەتىجە قولغا كەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان بىر ـ بىرىنى ئورۇنسىز ئەيىبلەشلىرىنىڭ يامان ئاقىۋەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى، ھەقىقىي سەۋرىلىك مۇجاھىدلارنى بايقاپ ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئىككى گۇرۇھنى بىر ـ بىرىدىن ئايرىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئالدىدا بولغۇسى كەسكىن ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى ئەبباد ئىبنى بېشىر چۈشىدە ئاسماننىڭ ئېچىلغانلىقىنى، ئاسمانغا كىرگەندە ئاسماننىڭ ئۇنى ئورۇۋېلىپ، ئىشىكىنى ئېتىۋالغانلىقىنى كۆردى. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئۇ چۈشىنى ئەبۇ سەئد خۇدرىغا سۆزلەپ بېرىپ: «ئى ئەبا سەئد! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى!
بۇ شېھىتلىكنىڭ بېشارىتى» دېدى.
قۇياش كۆتۈرۈلۈپ ئۇرۇش باشلانغاندا ئەبباد ئېگىز بىر يەرگە چىقىپ كۆپچىللىكە:
- ئى ئەنسارىلار گۇرۇھى! سىلەر كىشىلەر توپىدىن ئايرىلىپ بىر تەرەپكە چىقىڭلار، سىلەر قىلىچىڭلارنىڭ غىلاپلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلاڭلار!… ئىسلام سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ قالمىسۇن!… - دېدى. ئۇ سۆزىنى تەكرارلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا سابىت ئىبنى قەيس، بەرا ئىبنى مالىك ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قىلىچ ئىگىسى» دەپ نام بەرگەن ئەبۇ دۇجانە باشچىلىقىدىكى 400 گە يېقىن كىشى توپلاندى.
ئۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بىرگە سەپلەرنى قىلىچلار بىلەن يېرىپ، ئۆلۈكلەرنى كۆكسىلىرى بىلەن ئىتتىرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. يالغانچى مۇسەيلىمەنىڭ ھەيۋىسى يەرگە ئۇرۇلۇپ ئاخىرى ئۇ ئادەملىرى بىلەن « ھەدىقەتۇل مەۋتە» دەپ ئاتالغان باغنىڭ ئىچىگە كىرىۋالدى. ئەبباد ئىبنى بېشىر بۇ باغنىڭ تېمى تۈۋىدە قانغا مىلەنگەن ھالدا شېھىتلىك ھالىتىدە يەرگە يىقىلدى. ئۇنىڭ جەسىتىدە ئوق تەگكەن، قىلىچ ئۇرۇلغان ۋە نەيزە سانچىلغان بىر قانچە يارا ئېغىزى بار ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى بۇرۇن ئۇنىڭ بەدىنىدە بار بولغان بەزى بىر ئالامەتلىرى ئارقىلىقلا ناھايىتى تەستە تونۇدى.
ئاللاھ ئۇنىڭ قۇرئان ئوقۇغان دىلىغا نۇر ئاتا قىلسۇن! ئۇنىڭ ئورنىنى جەننەتتە قىلسۇن! شۇنىڭدەك، ئاللاھ بىزگىمۇ ساغلام ئىمان، پاك قەلب، ھەقىقىي، گۈزەل ئىسلامىي ئەخلاق ئاتا قىلسۇن! ھەم بىزنىڭ ھەر بىر ئەمەلىمىزنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولۇشىغا نېسىپ قىلسۇن! ئامىن!!!
رەبىئە ئىبنى كەئب
بۆلۈم: “رەبىئە ئىبنى كەئب”رەبىئە ئىبنى كەئب مۇنداق دەيدۇ:
بۆلۈم: “رەبىئە ئىبنى كەئب مۇنداق دەيدۇ:”«دىلىم ئىماننىڭ نۇرى بىلەن يورىغان، دىلىم ئىسلام چۈشەنچىلىرى بىلەن روشەنلەشكەن ۋاقىتلىرىم دەل مېنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىم ئىدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈمدىلا ئۇنى پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم بىلەن ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم. مېنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشۈم شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، مەن ئۇنىڭغا بولغان ياخشى كۆرۈشۈم ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە ھازىر ئىدىم. شۇڭا بىر كۈنى ئۆز ـ ئۆزۈمگە: ‹ۋاي ساڭا! ئى رەبىئە ئىبنى كەئب، سەن نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن پىدا قىلمايسەن؟! سەن بېرىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە تۇتۇپ بەر! ناۋادا سەن ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلىسەڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق بۇ دۇنيادا چەكسىز بەختكە، ئاخىرەتتە بولسا چەكسىز ياخشىلىققا ئېرىشىسەن› دېدىم ـ دە، بالىلىق دەۋرىمدىن باشلاپلا ئۆزۈمنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدىم. مېنىڭ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتىن ئىبارەت ئارزۇيۇم بىكارغا كەتمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى خىزمىتىگە قوبۇل قىلدى.
«مەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا قوبۇل قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ سايىسىگە ئوخشاش ئۇنىڭدىن بىرقەدەممۇ ئايرىلمىدىم. نەگىلا بارسا بىرگە باردىم، قايسى تەرەپكە قارىسا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇردۇم، بىرەر نەرسىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ھېس قىلسام دەرھال شۇ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن ئالدىرىدىم، پۈتۈن بىر كۈن ئۇنىڭ ھاجىتىدە بولۇپ خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېتىپ بولغاندا قايتماقچى بولاتتىم ـ دە، يەنە ئۆز ـ ئۆزۈمگە: ‹ئى رەبىئە! سەن نېمە بىلىسەن، بەلكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدە بىرەر ئىشى چىقىپ قالار› دېگىنىمچە ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇراتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە كېچىلەرنى قىيامدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان ھالدا ئۆتكۈزەتتى. ئۇ نامازلىرىدا سۈرە فاتىھەنى تەكرارلايدىغانلىقىنى، ئۇنى يېرىم كېچىدىن ئۆتكەنلەردە ئوقۇيدىغانلىقىنى، بەزىدە: ‹ئاللاھ ئاللاھنى ماختىغان ئادەمنىڭ ھەمدىسىنى قوبۇل قىلدى!› دەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ سۆزنى سۆرە فاتىھەدىنمۇ كۆپرەك تەكرارلىغانلىقىنى ئاڭلايتتىم. مەن چارچاپ بەزىدە ئۇخلاپ قالسام بەزىدە ئۆيگە قايتاتتىم. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىرەر ياخشىلىق قىلسا ئۇ ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىدىنمۇ بەكرەك ياخشىلىق قايتۇراتتى. بۇ ئۇنىڭ ئادەتلىرىدىن ئىدى. بىر كۈنى ئۇ مېنى مۇكاپاتلىماقچى بولۇپ يېنىمغا كېلىپ:
-
ئى رەبىئە! - دەپ چاقىردى.
-
خوش؟ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! - دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
مەندىن سورىغىن، مەن سېنىڭ سورىغىنىڭنى بېرەي! - دېدى. مەن بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
-
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سەندىن نېمە سورۇشۇم كېرەكلىكىنى ھازىرچە بىلەلمىدىم، ماڭا ئويلىنىشقا بىرئاز ۋاقىت بەرگەن بولساڭ، - دېدىم.
-
بولىدۇ، - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
دەل مۇشۇ كۈنلەردە مەن ھېچنىمىسى يوق بويتاق ئىدىم. مېنىڭ ياتقۇدەك ئۆيۈممۇ يوق بولغاچقا باشقا پېقىر مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مەسجىد سوپۇسىدا يېتىپ قوپاتتىم. بىزنى كىشىلەر “مۇسۇلمانلارنىڭ مېھمانلىرى” دەپ چاقىرىشاتتى، مۇسۇلمانلاردىن بىرەر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سەدىقە ئېلىپ كەلسە ئۇ بۇ سەدىقىنىڭ ھەممىسىنى بىزگە ئەۋەتىپ بېرەتتى. ئەگەر بىرەرسى سوۋغا تەقدىم قىلسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئازراق بىر قىسمىنى ئېلىپ قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى بىزگە ئەۋەتىپ بېرەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە سورۇشۇمنى ئېيتقاندىن كېيىن كۆڭلۈم ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مال- دۇنيا سوراشنى؛ باشقا باي، پېقىر كىشىلەردەك ئۆيلۈك ـ ئوچاقلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىشنى ۋەس ـ ۋەسە قىلدى. كۆڭلۈمنىڭ بىر تەرىپى بولسا: ‹ياق! ياق! ئى رەبىئە! ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى باقاسى يوق تۈگەپ كېتىدىغان نەرسىلەردۇر، ئاللاھ ساڭا بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان نەرسىلەر بار، ئاللاھ ساڭا ئۇنى چوقۇم بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك بەندىسى، ئۇنىڭ ئاللاھتىن تىلىگەنلىرى بېرىلىدۇ، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزۈڭنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشىلىق سوراپ بېرىشىنى تىلىگىن› دېدى. بۇ ئويۇم بىلەن دىلىم چەكسىز خۇرسەنلىككە تولدى.
مەن بۇ تەلەپنى سوراشنى قارار قىلغان ھامان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
- ئى رەبىئە! نېمە دېمەكچىسەن؟- دەپ سورىدى.
-ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سېنىڭ ئاللاھتىن مېنىڭ ساڭا جەننەتتىمۇ ھەمراھ بولۇشۇمنى سوراپ بېرىشىڭنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن، - دېدىم.
- بۇنى ساڭا كىم ئۆگەتتى؟- دەپ سورىدى ئۇ.
-ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! بۇنى ماڭا ھېچكىم ئۆگەتمىدى، لېكىن سەن ماڭا: سەن سورىغىن! دېگەندە كۆڭلۈم دەسلەپتە دۇنيانىڭ ياخشىلىقىنى سوراشنى ۋەس ـ ۋەسە قىلدى؛ ئارقىدىنلا دىلىمدا باقىي دۇنيانى پانىي دۇنيادىن ئەلا بىلىش تۇيغۇسى باش كۆتەردى ـ دە، سەندىن يۇقىرىقى تەلەپنى سوراشنى قارار قىلدىم، - دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرئاز ئويلانغاندىن كېيىن يەنە:
-
مەندىن سورايدىغان باشقا ھاجەتلىرىڭ بارمۇ؟- دەپ سورىدى.
-
سەندىن سورىغان نەرسىنى ھېچنېمىگە تەڭ قىلمايمەن، شۇ يېتىدۇ، - دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
ئۇنداق بولسا سەن سەجدىنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ماڭا ياردەم بەرگىن! -دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇش نېسىۋىسىگە ئېرىشكەندەك جەننەتتىمۇ ھەمراھ بولۇش نېسىۋىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىبادەتتە تېخىمۇ تىرىشچان بولۇپ كەتتىم.
يۇقىرىقى سۆھبەتنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگە ئانچە ئۇزاق بولمىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى چاقىرىپ:
-
ئى رەبىئە توي قىلمامسەن؟ - دەپ سورىدى.
-
بىرەر ئىشنىڭ مېنى سېنىڭ خىزمىتىڭنى قىلىشتىن يۈز ئۆرىشۈمگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندە ئايالىمغا تويلۇق بەرگىدەك ھەم ئۇنىڭ جېنىنى بېقىپ كەتكۈدەك مالمۇ يوق، - دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ قىلمىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئوخشاش سوئالنى سورىۋىدى مەنمۇ ئوخشاش جاۋابنى بەردىم. كېيىن مەن يالغۇز قالغاندا ئۆز ـ ئۆزۈمگە: ‹ئى رەبىئە ئىسىت ساڭا! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە سېنىڭ ئەھۋالىڭنى، سېنىڭ دىنىڭ ۋە دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن ياخشى بولغان قانداق نەرسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭنى، ھەم سېنىڭ قېشىڭدا بار ـ يوق نەرسىنى ئوبدان بىلىدىغان تۇرسا، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمدى بۇنداق سوئال سورىسا مەن چوقۇم ماقۇل دەيمەن› دېدىم.
«ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا يەنە:
-
ئى رەبىئە توي قىلمامسەن؟ - دەپ سورىدى.
-
توي قىلاي، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىراق كىممۇ ماڭا قىزىنى بېرەر، سەن مېنىڭ ئەھۋالىمنى ئوبدان بىلىسەن، - دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
سەن پالانىنىڭ ئۆيىگە بارغىن ۋە ئۇلارغا: ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ پالانى قىزىڭلارنى ماڭا نىكاھلاپ قويۇشۇڭلارنى بۇيرۇدى› دېگىن، - دېدى.
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىنى بويىچە ئۇ ئائىلىگە ناھايىتى خىجىل بولغان ھالەتتە باردىم ۋە ئۇلارغا:
-
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ پالانى قىزىڭلارنى ماڭا نىكاھلاپ قويۇشۇڭلارنى بۇيرىدى، - دېدىم.
-
قىزىمىز پالانىنىمۇ؟ - دەپ سورىدى ئۇلار.
-
ھەئە، شۇنى، - دېدىم مەن.
-
ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ۋە ئۇ ئەۋەتكەن ئەلچىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەلچىسى ھاجىتى راۋا قىلىنغان ھالدا قايتۇرۇلىدۇ، - دەپ، ئۇلار قىزىنى ماڭا بەرمەكچى بولدى.
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ:
- ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ناھايىتى ياخشى بىر ئائىلىدىن كەلدىم، ئۇلار ماڭا ئىشىنىپ قىزىنى بەرمەكچى بولدى، بىراق مەن ئۇ تويلۇقنى نەدىن تاپىمەن، - دېدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇرەيد ئىبنى خەسىبنى چاقىرتتى (بۇرەيد بەنى ئەسلەم قەبىلىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئىدى) ۋە ئۇنىڭغا:
- ئى بۇرەيد! سەن رەبىئەگە نۆكچە مىقدارى ئالتۇن جۇغلاپ بەرگىن، - دېۋېدى، ئۇ بۇ ئالتۇنلارنى جۇغلاپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا، - سەن بۇ ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ‹بۇ قىزىڭلارنىڭ تويلۇقى، دېگىن› دېدى.
مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇلارغا ئالتۇنلارنى بەرسەم ئۇلار ئۇنى قوبۇل قىلدى ۋە رازى بولۇشۇپ: ‹ئىنتايىن كۆپكەن، ئىنتايىن ياخشىكەن!› دېيىشىپ كېتىشتى. مەن يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ:
- مەن ئۇلاردەك ياخشى ئادەملەرنى كۆرمىگەن ئىدىم، ئۇلار تويلۇقنى ئاز كۆرمەي رازى بولۇشۇپ: ‹ئىنتايىن كۆپكەن، ئىنتايىن ياخشىكەن› دېيىشىپ كەتتى، - دېدىم ۋە ئەمدى نېمە بىلەن توي قىلىمەن؟ دېدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بۇرەيدەگە:
- ئى بۇرەيدە! ئۇنىڭغا بىر قوچقارنىڭ پۇلىنى يىغىپ بىرىڭلار - دېدى. ئۇلار ناھايىتى چوڭ بىر قوچقارنى ئېلىپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا، - سەن ئائىشەنىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ساڭا قېشىدىكى ئارپىلارنىڭ ھەممىسىنى بەرسۇن، - دېدى.
مەن ئائىشەنىڭ قېشىغا كەلدىم، ئائىشە ماڭا:
- ئاۋۇ سېۋەتنى ئالغىن، ئۇنىڭدا يەتتە سا ئارپا بار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىزنىڭ قېشىمىزدا بۇنىڭدىن باشقا ئاشلىق يوق، - دېدى.
مەن قوچقار بىلەن ئارپىنى ئېلىپ قىز تەرەپنىڭ ئائىلىسىگە باردىم، ئۇلار:
- ئارپىنى بىز تەييارلايلى، قوچقارنى تەييارلاشقا سېنىڭ دوستىلىرىڭ مەسئۇل بولسۇن، - دېدى، مەن ۋە ئەسلەم قەبىلىسىدىكى كىشىلەر قوچقارنى سويۇپ ئۇنى پىشۇردۇق، گۆش ۋە نان تەييار بولدى. شۇنداق قىلىپ مەن توي زىياپىتى بەردىم ۋە تويغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چاقىردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تويغا كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ماڭا ئابا بەكرىنىڭ زېمىنىنىڭ قېشىدىن بىر پارچە زېمىن بەردى، مەنمۇ دۇنيالىق بولۇپ قالدىم. ھەتتا بىر كۈنى مەن ئابا بەكرى بىلەن بىر تۈپ خورمىنى تالىشىپ قالدۇق، مەن ئۇنىڭغا: ‹بۇ خورما دەرىخى مېنىڭ زېمىنىمدا، شۇڭا بۇ دەرەخ مېنىڭ› دەيتتىم. ئابا بەكرى بولسا: ‹ياق بۇ خورما دەرىخى مېنىڭ زېمىنىمدا!› دەيتتى. مەن تالىشىۋەرگەچكە ئابا بەكرى ماڭا يامان سۆزدىن بىرنى دەپ سالدى ۋە ئارقىدىنلا پۇشايمان قىلىپ: ‹ئى رەبىئە! سەنمۇ مېنى تىللاپ ئۆچۈڭنى ئالغىن› دېدى. مەن: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن› دېدىم. ئابا بەكرى: ‹ئۇنداق بولسا مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىپ سېنىڭ مېنىڭدىن قىساس ئېلىشقا ئۇنىمانلىقىڭنى شىكايەت قىلىمەن› دېدى.
ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ماڭدى، مەنمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم، ماڭا قەۋمىمدىكى بىرقانچە كىشى ئەگەشتى ۋە:
-
ئۇ ئادەم سېنى ئاۋۋال تىللىغان تۇرۇقلۇق يەنە تېخى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سېنى چېقىشتۇرغىلى ماڭدىمۇ؟! - دېيىشتى. مەن:
-
ۋاي سىلەرگە! بۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇ كىشى ئەڭ راستچىل ئابا بەكرىغۇ، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ پىشقەدىمى، مەن ئابا بەكرىنىڭ سىلەرنىڭ مەن بىلەن بىرگە كەلگەنلىكىڭلارنى كۆرۈپ قىلىپ، سىلەرنى ماڭا ياردەم بەرگىلى كەپتۇ دەپ قاراپ سىلەرگە غەزەپلىنىپ قىلىشىدىن، بۇ گۇمان بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىرگەندە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزەپلىنىپ مېنىڭ ھالاك بولۇپ كېتىشىمگە سەۋەبچى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن سىلەر قايتىپ كېتىڭلار، - دېدىم. ئۇلار قايتتى.
ئابا بەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن:
-
ئى رەبىئە سىلەرگە نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى.
-
خۇددى ئابا بەكرى ساڭا دېگەندەك، بىز تالىشىپ قالغاندىن كېيىن ئۇ قىلىپ سالغان يامان سۆزى ئۈچۈن مېنىڭمۇ شۇنداق سۆزنى قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى، مەن ئۇنىمىدىم.
-
بولۇپتۇ، سەن ئۇنداق سۆزنى قىلما، بىراق سەن: ‹ئاللاھ ئابا بەكرىنى كەچۈرسۈن!› دېگىن، - دېدى.
-
ئاللاھ ئابا بەكرىنى كەچۈرسۈن! - دېدىم مەن دەرھاللا.
ئابا بەكرى قايتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بولسا تاراملاپ ياشلار قۇيۇلاتتى، ئۇ:
- ئى رەبىئە، ئاللاھ ساڭا مەن تەرەپتىن ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، ئى رەبىئە، ئاللاھ ساڭا مەن تەرەپتىن ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن! - دەيتتى.»
رەبىئەنىڭ بايانى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، ئاللاھ ھەممىمىزنى رەبىئە ۋە ئابا بەكرىدەك بىر ـ بىرىگە مېھرىبان، يېقىن قېرىنداشلاردىن قىلسۇن! ئىمانىمىزنى كۈچەيتىپ، ئىسلامىمىزنى يېڭىلاپ تۇرسۇن! ئاللاھ بىزنى ھەر ۋاقىت گۇناھسىز ھالەتتە تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن! دىللىرىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ نۇرلۇق قىلسۇن، ئامىن!!!
زەيد ئىبنى سابىت
بۆلۈم: “زەيد ئىبنى سابىت”شىئېردا ھەسسان ۋە ئوغلىدىن باشقا كىم بار؟ مەنىلەر ئۈچۈن زەيد ئىبنى سابىتتىن باشقا كىم بار؟
- ھەسسان ئىبنى سابىت
ھىجىريەنىڭ ئىككىنچى يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن نۇرلانغان مەدىنە شەھىرى بەدىر ئۇرۇشىغا ھازىرلىنىش قىزغىنلىقىغا چۆمگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ دىنىنى يەر يۈزىدە ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۆز قۇماندانلىقى ئاستىغا يىغىلغان ئىسلامدىكى بۇ تۇنجى قوشۇننى كۆزدىن كەچۈرىۋاتاتتى. دەل مۇشۇ چاغدا يېشى تېخى ئون ئۈچكىمۇ يەتمىگەن، تۇرقىدىن چېچەن ۋە زىرەكلىكى، پاراسەتلىك، جاسارەتلىكلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر كىچىك بالا قوشۇن تەرەپكە قاراپ كەلدى. ئۇنىڭ قولىدا ئۆزىنىڭ بويى بىلەن تەڭ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق كەلگىدەك بىر قىلىچ بار ئىدى. ئۇ ئۇدۇل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ:
- ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئۆزۈمنى ساڭا پىدا قىلماقچىمەن، مېنىڭ سېنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشۇمغا، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭ، - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ۋە سۆيۈنۈش بىلەن نەزەر سېلىپ، ئۇنىڭ مۆرىسىگە ئۇنىڭغا بولغان مېھرىبانلىق، ئامراقلىق بىلەن ئۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، يېشىنىڭ تېخى كىچىك ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى قايتۇرىۋەتتى.
بۇ چاغدا ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ بارغان تۇنجى ئۇرۇشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن چىقالمىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى قايغۇرغان ھالدا قىلىچىنى سۆرىگەن ھالدا قايتتى. ئۇنىڭ ئانىسى نەۋۋار بىنتى مالىكمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قايتتى، ئانىنىڭ قايغۇسىمۇ ئوغلىنىڭكىدىن قىلىشمايتتى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرىقى ئاستىغا يىغىلغان ئەرلەر بىلەن بىرگە ئۆز ئوغلىنىڭمۇ بۇ ئۇرۇشقا ماڭغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايتتى ھەم ئوغلىنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئېرىنىڭ ئورنىدا ئۇ ئارزۇ قىلغان ئورۇنغا ئېگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. بىراق ئەنسارىلاردىن بولغان بۇ ئۆسمۈر يېشىنىڭ كىچىكلىكى سەۋەبىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا چىقىش نېمىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ زىرەكلىكى ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولىدىغان باشقا بىر يولدىكى پۇرسەتكە ئېرىشتۈردى. بۇ پۇرسەت قۇرئاننى يادلاش ۋە بىلىم ئىلىش قىزغىنلىقىدىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئويۇنى ئانىسىغا دېۋېدى ئانىسى بۇنىڭدىن قاتتىق خۇشاللىنىپ كەتتى ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۇتۇش قىلدى.
ئانىسى نەۋۋار قەۋمىدىكى بىر قانچە كىشىگە ئوغلىنىڭ بۇ پىكرىنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زەيدنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ:
- ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىزنىڭ بۇ بالىمىز زەيد ئىبنى سابىت ئاللاھنىڭ كىتابىدىن 17 سۈرىنى يادقا بىلىدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھنىڭ سېنىڭ دىلىڭغا سالغاندىكىكدەكلا ئوقۇيالايدۇ، ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە ئوقۇشنى، يېزىشنى بىلىدۇ، ئۇ مۇشۇ ئەمەللىرى بىلەن ساڭا يېقىنلىشىشنى ۋە سېنىڭ خىزمىتىڭنى قىلىشنى خالايدۇ، خالىساڭ ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاپ باققىن! - دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيدنىڭ يادقا ئالغان سۈرىلىرىدىن بىر قانچىنى ئاڭلاپ باقتى، ئۇنىڭ ئوقۇش قائىدىلىرى ناھايىتى ياخشى، تەلەپپۇزلىرى ئوچۇق ئىدى، قۇرئاننىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ لەۋلىرىدىن خۇددى دۇردانىلەردەك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قىلغان تىلاۋىتىدىن ئۇنىڭ قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ناھايىتى ياخشى قوبۇل قىلغانلىقى، پۈتكۈل ۋۇجۇدىغىچە تەسىر قىلغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
بۇلارنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيددىن چەكسىز سۆيىنىپ كەتتى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، زەيدنىڭ ئۇنىڭ قوۋمى تەرىپلىگىنىدىنمۇ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىدى.
زەيدنىڭ يېزىشقا ماھىرلىقى ئۇنىڭ سۆيۈنىشىنى يەنە بىر ھەسسە ئاشۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيدقا قاراپ:
-
ئى زەيد سەن مېنىڭ ئورنۇمدا يەھۇدىي تىلىنى ئۆگەنگىن! مەن ئۇلارغا تازا ئىشەنچ قىلالمايدىكەنمەن، - دېدى.
-
بولىدۇ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! - دېدى زەيد.
مانا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زەيد ئىبران تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى ۋە قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدىلا ئۇ تىلنى پۇختا ئېگىلىپ بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارغا مەكتۇپ يوللىماقچى بولسا ئۇ بۇ مەكتۇپلارنى يازاتتى ھەم يەھۇدىيلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يازغان مەكتۇپلىرىنىمۇ ئوقۇپ بېرەتتى. كېيىن ئۇ يەنە سۈريانى تىلىنىمۇ ئۆگەندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياش يىگىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمانى بولۇپ قالدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيدنىڭ سالماقلىقى، ئەستايىدىللىقى ۋە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاللاھتىن ئۆزىگە چۈشىدىغان ۋەھىينى خاتىرىلەيدىغان كاتىپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلىغا بىرەر ۋەھىي نازىل قىلىنسىلا ئۇ زەيدكە: «ئى زەيد، ياز!» دەيتتى، ئۇ يازاتتى. زەيد قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ قۇرئاننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭ چۈشۈش سەۋەبلىرى بىلەن قوشۇپ ئەڭ يېڭى ھالەتتە ئالاتتى ـ دە، دىلى قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن بارغانچە كۈچلۈك ھىدايەتكە ئىگە بولاتتى. قۇرئاننىڭ شەرئىي ھۆكۈملىرىنىڭ ھېكمىتى بىلەن ئۇنىڭ دىلى تېخىمۇ نۇرلىناتتى. بۇنداق ئۇلۇغ مۇقەددەس ئىلىم بىلەن نېمەتلەنگەن بۇ ياش يىگىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈمىدى ئۈچۈن قۇرئان ئىلىمى تەرىپىدىن ئەڭ ئىشەنچلىك بولغان تۇنجى مەنبە بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ خەلىپە ئابا بەكرىنىڭ زامانىسىدا قۇرئاننى توپلىغان كىشىلەرنىڭ باشلامچىسى، خەلىپە ئۆمەرنىڭ زامانىسىدا قۇرئاننىڭ ھەممە نۇسخىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئوسمانىيە نۇسخىسىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكىلىرىدىن ئىدى. بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق مەرتىۋە ۋە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئېسىل نېمەت بارمۇ؟! دىللار بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ يۈكسەكلىك تەلەپ قىلامدۇ؟
قۇرئاننىڭ پەزىلىتى زەيد ئىبنى سابىتقا كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى قايمۇقتۇرۋېتىدىغان مۈشكۈل شارائىتتا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرەلىگىدەك ئەقىل نۇرى ئاتا قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇسۇلمانلار كىمنىڭ خەلىپە بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا كېلىشەلمىدى. مۇھاجىرلار: خەلىپە بىزدىن سايلىنىشى كېرەك، بىز بۇنىڭغا ئەڭ لايىق، دېسە ئەنسارىلار: خەلىپە بىزدىن بولۇشى كېرەك، بىز بۇنىڭغا ئەڭ لايىق، دېيىشتى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر: خەلىپە ھەم بىزدىن ھەم سىلەردىن بولسۇن، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا بىز تەرەپتىن بىر ئادەمنى ئىشلەتسە سىلەر تەرەپتىنمۇ بىر ئادەمنى ئىشلىتەتتى، دېيىشتى. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تېخى دەپنە قىلىنماي تۇرۇپلا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ پىتنە ئەگەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇنداقلا بۇنى قۇرئاننىڭ ھەقىقىتى بىلەن نۇرلانغان بىرىنىڭ، توغرا بىر سۆز بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە بۇ سۆز زەيد ئىبنى سابىت ئەنسارىنىڭ ئاغزىدىن چىقتى، ئۇ ئەنسارىلارغا قاراپ:
- ئى ئەنسارىلار جامائەسى!
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھاجىرلاردىن ئىدى، خەلىپىسىمۇ مۇھاجىرلاردىن بولىدۇ، بىز پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىلىرىدىن ئىدۇق، ئەمدى خەلىپىنىڭمۇ ياردەمچىلىرى ۋە ھەققانىيەتكە ھەمكارلاشقۇچىلىرى بولىمىز! دېگىنىچە ئەبۇ بەكرى سىددىققا قولىنى بېرىپ بەيئەت قىلدى ۋە كۆپچىلىككە قاراپ: بۇ سىلەرنىڭ خەلىپەڭلەر! ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىڭلار! - دېدى.
زەيد قۇرئاننىڭ پەزىلىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغانلىقىنىڭ پەزىلىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەشئىلىگە ئايلاندى. خەلىپىلەر قىيىن مەسىلىلەردە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالاتتى. كۆپچىلىكمۇ بىرەر قىيىن مەسىلىگە يۇلۇقسىلا ئۇنىڭدىن پەتىۋا سورۇشاتتى. بولۇپمۇ مىراس ئىشلىرىدىكى ھۆكۈملەردە ئۇنىڭدىن ئالىم كىشى يوق ئىدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب جابىيە كۈنىسى كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلىگەندە مۇنداق دېگەنىدى:
- ئى خالايىق! سىلەردىن كىمكى قۇرئان توغرىسىدا سوئال سورىماقچى بولسا زەيد ئىبنى سابىتنىڭ قېشىغا كەلسۇن، دىنىي ھۆكۈملەر توغرىسىدا سوئال سورىماقچى بولسا مۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ قىشىغا، مال- دۇنيا سورايدىغانلار مېنىڭ قېشىمغا كەلسۇن! ئۇلۇغ ۋە كەرەملىك ئاللاھ مېنى ئۇنىڭ تەقسىملىگۈچىسى قىلدى.
ساھابىلەر ۋە تابىئىلاردىن ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار زەيد ئىبنى سابىتنىڭ قەدرىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن ئۇنى ئۇلۇغلىغان ۋە قاتتىق ھۆرمەتلىگەن ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباستەك بىلىمدار زاتمۇ بىر كۈنى زەيدنىڭ ئۇلۇغىغا مىنمەكچى بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ زەيدنىڭ ئالىدىغا بېرىپ، ئۈزەڭگىنى تۇتۇپ ئۇلاقنىڭ چۇلۋىرىنى تۇتقان ھالدا زەيدنىڭ ئۇلاغقا مىنىشىنى كۈتۈپ تۇردى. بۇنى كۆرگەن زەيد:
-
ئى ئاللاھ رەسۇلۇنىڭ جىيەنى، ئۇنداق قىلما! - دېدى. ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا:
-
بىز بىلىملىك ئالىملىرىمىزغا مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغانمىز، - دېدى. بۇنى ئاڭلاپ زەيد:
-
قولۇڭنى چىقار، - دېۋېدى، ئابدۇللاھ قولىنى چىقىرىپ بەردى، زەيد ئۇنىڭ قولىغا سۆيۈپ، - بىزمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلىسىگە مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغانمىز، - دېدى.
زەيد ئىبنى سابىت ۋاپات بولغاندا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەتكەن مول بىلىمگە قاتتىق يىغلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەبۇ ھۇرەيرە:
- بۈگۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۆلىماسى ۋاپات بولدى، ئاللاھ ئىبنى ئابباسنى ئۇنىڭ ئىز باسارى قىلىپ بەرگەي! دېگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شائىرى ھەسەن ئىبنى سابىت:
كىم بولاتتى ئۆزگە سابىتتىن ئاھاڭدار سۆز دېسەڭ،
قارچۇغىدى ئىبنى سابىت، مەنىلەرنى كۆز دېسەڭ.
دەپ مەرسىيە ئوقۇغان ئىدى.
ھەكىم ئىبنى ھىزام
بۆلۈم: “ھەكىم ئىبنى ھىزام”مەككىدە تۆت ئادەم بار، مەن ئۇلارنىڭ شىرېكلىكتە قىلىشىغا چىدىمايمەن، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كېرىشىگە قىزىقىمەن، ھەكىم ئىبنى ھەزام ئۇ تۆت ئادەمنىڭ بىرىدۇر.
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
