6-قىسىم: بەرەكە ئانىمىزدىن خەببابقىچە (51–60-ساھابىلەر)
بەرەقە
بۆلۈم: “بەرەقە”بەرەقە ئامىنەگە تەسەللى بېرىپ ماڭدى. مۇھەممەد يول بۇيى بەرەقەنىڭ قۇچىقىدا، ئۇنىڭ بوينىدىن قۇچاقلىغان ھالەتتە ئۇخلىدى. كارۋان ئىلدام يول يۈرۈپ، 10 كۈن بولغاندا مەدىنىگە يېتىپ كەلدى. مۇھەممەد بەنۇ نەججار قەبىلىسىدىن ئانا تەرەپ تاغىلىرىنىڭ ئۆيىدە قالدى، ئامىنە ئابدۇللاھنىڭ قەبرىسىنى يوقلۇقىلى كەتتى. قىسقا بىر نەچچە ھەپتە جەريانىدا، ئامىنە كۈنلىرىنى قەبرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزدى، ئۇ قايغۇ ــ ھەسرەتتىن تۆگىشىپلا كەتكەن ئىدى.
مەككىگە قايتىش يولىدا، ئامىنە قىزىپ، ئېغىر كېسەل بولۇپ قالدى. ئۇلار مەدىنە بىلەن مەككىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئەبۋا دېگەن جايدا توختىدى. ئامىنەنىڭ سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتتى. قاپ ــ قاراڭغۇ بىر كېچىسى ئۇنىڭ قىزىتمىسى تېخىمۇ ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇ ناھايىتى ھالسىرىغان ھالدا بەرەقەنى چاقىردى. بەرەقە مۇنداق دەيدۇ:
ئۇ مېنىڭ قۇلىغىمغا مۇنداق پىچىرلىدى:
- ئى بەرەقە! مەن پات ئارىدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىمەن، ئوغلۇم مۇھەممەدنى ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇ مېنىڭ قورسىقىمدىكى چېغىدىلا دادىسىدىن ئايرىلدى، ئەمدىلىكتە ئۇ كۆز ئالدىدىلا ئانىسىدىن ئايرىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا ئانا بولغىن، ئى بەرەقە! سەن ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلما.
بۇلارنى ئاڭلاپ يۈرىگىم ئۆرتىنىپ كەتتى، قاتتىق يىغلاشقا باشلىدىم، بالا مېنىڭ يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلاپ تەڭلا يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنى ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ، بوينىدىن چىڭ قۇچاقلىدى. ئامىنە ئاخىرقى قېتىم بىر ئىڭراپ، ئاندىن مەڭگۈلۈككە جىمىپ كەتتى.
بەرەقە تولىمۇ ئېچىنىشلىق يىغلىدى، ئۇ ئۆز قولى بىلەن قۇملۇققا قەبرە كولاپ، ئامىنەنى يەرلىكىدە قويدى، كۆز ياشلىرىدىن قەبرە ھۆل بولۇپ كەتتى. بەرەقە بۇ يېتىم بالا بىلەن مەككىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇنى چوڭ دادىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئۇ بالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن شۇ ئۆيدە تۇردى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئابدۇلمۇتەللىب ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ بالىنى ئېلىپ، تاغىسى ئەبۇ تالىپنىڭ ئۆيىگە باردى، تاكى بالا چوڭ بولۇپ خەدىچىگە ئۆيلەنگەنگە قەدەر شۇ ئۆيدە تۇرۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدى، ئاندىن خەدىچىنىڭ ئۆيىدە مۇھەممەد (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ۋە خەدىچىلەر بىلەن بىللە تۇردى. ئۇ دائىم:
-
مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلمايمەن ھەم ئۇ مەندىن ئايرىلمايدۇ، - دەيتتى. بىر كۈنى مۇھەممەد (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ئۇنى چاقىرىپ:
-
ئى ئانا! (ئۇ دائىم ئۇنى «ئانا» دەپ چاقىراتتى) مەن ھازىر توي قىلدىم، ئەمما سىز تېخىچىلا توي قىلمىدىڭىز، بىرەر ئادەم كېلىپ سىزگە توي قىلىش تەكلىپىنى قويسا قانداق قارايسىز؟ - دېدى. بەرەقە مۇھەممەد (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) كە قاراپ ئۇنىڭغا:
-
مەن ھەرگىزمۇ سەندىن ئايرىلمايمەن، ئانا بولغۇچى بالىسىنى تاشلىۋىتەمدۇ؟ - دەپ جاۋاب بەردى. مۇھەممەد ( ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) كۈلۈپ ئۇنىڭ بېشىغا سۆيۈپ قويدى. ئۇ ئايالى خەدىچىگە قاراپ:
-
بۇ بەرەقە، بۇ مېنىڭ ئىككىنچى ئانام، ئۇ مېنىڭ ئائىلەمنىڭ بىر قىسمى، - دېدى. بەرەقە خەدىچىگە قارىدى، خەدىچە ئۇنىڭغا:
-
بەرەقە، سىز ياشلىقىڭىزنى مۇھەممەد ئۈچۈن قۇربان قىلدىڭىز، ھازىر ئۇ سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ ياندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، مۇھەممەد ۋە مەن ئۈچۈن سىزگە قېرىلىق يېتىپ قېلىشتىن بۇرۇن، ياتلىق بولۇشقا ماقۇل بولۇڭ، - دېدى.
-
كىمگە ياتلىق بولىمەن، خېنىم؟ - سورىدى بەرەقە.
-
مەدىنىدىكى خەزرەج قەبىلىسىدىن ئۇبەيدە ئىبنى زەيد سىز بىلەن توي قىلىشنى سوراپ كەپتۇ، مەن ئۈچۈن ئۇنى رەت قىلمىسىڭىز.
بەرەقە ماقۇل بولدى.
بۆلۈم: “بەرەقە ماقۇل بولدى.”ئۇ ئۇبەيدە ئىبنى زەيدگە ياتلىق بولۇپ مەدىنىگە باردى. مەدىنىدە ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭغا «ئەيمەن» دەپ ئىسىم قويدى، شۇنىڭدىن تارتىپ كىشىلەر ئۇنى «ئۇممۇ ئەيمەن (ئەيمەننىڭ ئانىسى)» دەپ ئاتىدى. ئەمما ئۇنىڭ تويى ئۇزۇنغا بارمىدى. يولدىشى ئۆلۈپ كېتىپ، يەنە مەككىگە قايتىپ بېرىپ، خەدىچىنىڭ ئۆيىدە «ئوغلى» مۇھەممەد بىلەن بىللە تۇردى. شۇ چاغدا ئۇ ئۆيدە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ھىندى (خەدىچىنىڭ ئىلگىرىكى يولدىشىدىن بولغان قىزى) ۋە زەيد ئىبنى ھارىسەلەر تۇراتتى.
زەيد كەلب قەبىلىسىدىن بولغان ئەرەب بولۇپ، كېچىك ۋاقتىدىلا مەككىگە تۇتۇپ كېلىنىپ، قۇل بازىرىدا سېتىۋىتىلگەن. ئۇنى خەدىچىنىڭ جىيەنى سېتىۋېلىپ، خەدىچىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بەرگەن ئىدى. خەدىچىنىڭ ئۆيىدە، زەيد مۇھەممەد (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) نى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىدى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى دادا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايتتى. زەيدنىڭ دادىسى ئۇنى مەككىگە ئىزدەپ كەلگەندە، مۇھەممەد ئۇنىڭغا دادىسى بىلەن قايتىپ كېتىش ياكى ئۆزى بىلەن بىللە قېلىش ئىختىيارلىقىنى بەردى. زەيدنىڭ دادىسىغا بەرگەن جاۋابى بولسا: «مەن ھەرگىزمۇ بۇ ئادەمدىن ئايرىلمايمەن، ئۇ ماڭا دادا بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك، ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى، مەن ئۆزۈمنى بىر كۈنمۇ قۇلدەك ھېس قىلىپ باقمىدىم، ئۇ مېنىڭ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالدى، ئۇ ماڭا كۆيۈنىدۇ، مېنى ياخشى كۆرىدۇ، دائىم مېنى خۇشال قىلىشقا تېرىشىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى، مەخلۇقاتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئادەم، مەن قانداقمۇ ئۇنى تاشلاپ، سەن بىلەن بىللە كېتىمەن؟! مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمايمەن» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.
كېيىن مۇھەممەد كىشىلەرنىڭ ئالدىدا، زەيدنى ئازاد قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداق بولسىمۇ زەيد ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىدەكلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىدى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىدى.
مۇھەممەد پەيغەمبەرلىك بىلەن ھۆرمەتلەنگەن چاغدا، بەرەقە ۋە زەيد ئۇنىڭغا كەلگەن ۋەھىيگە دەسلەپ ئىمان ئېيتقانلاردىن بولدى. ئۇلار دەسلەپكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە، قۇرەيشنىڭ قىلغان زۇلۇملىرىنى ۋە زىيانكەشلىكلىرىنى باشتىن كەچۈردى. بەرەقە ۋە زەيد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز خىزمەتلەرنى قىلدى. ئۇلار قۇرەيشنىڭ زۇلۇمىدىن قورقماستىن جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، مۇشرىكلارنىڭ پىلانلىرى ۋە سۇيىقەستلىرىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خەۋەردار قىلدى.
بىر كېچىسى مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى يىغىپ ئىسلام دىنىنى ئۆگىتىدىغان ئەرقەمنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يولنى توسۇپ قويدى. خەدىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇھىم بىر خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بەرەقەنى ئەۋەتتى. بەرەقە ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئەرقەمنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ خەۋەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزگەن چېغىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ تۇرۇپ:
-
ئاللاھ سىزگە بەرىكەت بەرسۇن، ئى ئۇممۇ ئەيمەن! جەزمەنكى سىزگە جەننەتتە بىر ئورۇن ھازىرلانغان، - دېدى. ئۇممۇ ئەيمەن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە قاراپ:
-
ئاراڭلاردىن كىمكى جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئۇممۇ ئەيمەنگە ئۆيلەنسۇن، - دېدى. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى جىمجىت ئولتۇرۇشۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدى. چۈنكى ئۇممۇ ئەيمەن چىرايلىق بولماستىن، 50 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئاجىز ئايال ئىدى. شۇ چاغدا زەيد ئىبنى ھارىسە:
-
يا رەسۇلۇللاھ!
مەن ئۇممۇ ئەيمەنگە ئۆيلىنىمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇ پۇلدار ۋە چىرايلىق ئاياللاردىن ياخشىراق، - دېدى.
زەيد بىلەن بەرەقە توي قىلىپ، بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى، ئۇنىڭغا ئۇسامە دەپ ئىسىم قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ئۇنى ئۆز ئوغلىدەكلا ياخشى كۆرەتتى، دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينايتتى، ئۇنى سۆيۈپ قوياتتى ۋە ئۆز قولى بىلەن تاماق يېگۈزەتتى. مۇسۇلمانلار دائىم مۇنداق دەيتتى: «ئۇ بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئادىمىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى.» ئۇسامە كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا، ئۆزىنى ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىدى، كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئېغىر ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان چاغدا، ئۇممۇ ئەيمەننى ئائىلىسىدىكى بەزى مۇھىم ئىشلارنى بىجىرىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدى. كېيىن ئۇ مەدىنىگە ئۆزى يالغۇز ھىجرەت قىلدى، چۆللەردىن ۋە تاغلاردىن ئۆتىدىغان ئۇزۇن ۋە جاپالىق يوللارنى پىيادە باستى، ھاۋا چىدىغۇسىز ئىسسىق بولۇپ كەتسىمۇ، بۇران - چاپقۇنلاردا يوللارنى پەرق قىلغىلى بولمىسىمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى مۇھەممەد (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) كە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ تۈرتكىسىدە جاپا مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، يولىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ مەدىنىگە يېتىپ كەلگەن چاغدا، پۇتلىرى يېرىلغان، ئىششىغان، يۈز ـ كۆزلىرى قۇم ــ تۇپىلار بىلەن بۇلغانغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ھاياجىنىنى باسالماي:
- ئى ئۇممۇ ئەيمەن! ئى ئانا! ھەقىقەتەن سىزگە جەننەتتە بىر ئورۇن ھازىرلانغان، - دېدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈز - كۆزلىرىنى مۇلايىملىق بىلەن سۈرتتى، پۇتلىرىنى ۋە مۈرىسىنى ئۇۋىلاپ قويدى.
مەدىنىدە ئۇممۇ ئەيمەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىدى. ئوھۇد غازىتىدا، ئۇ ئۇسسىغانلارغا سۇ يەتكۈزۈپ بەردى، يارىلانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ، خەيبەر ۋە ھۇنەين غازىتىغا ئوخشاش بەزى غازاتلارغا قاتناشتى. ئۇنىڭ ئوغلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن ساھابىلىرىدىن بولغان ئەيمەن ھىجرەتنىڭ 8 ــ يىلى ھۇنەين غازىتىدا شېھىت بولدى. بەرەقەنىڭ يولدىشى، پۈتۈن ھاياتىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسلام ئۈچۈن بېغىشلىغان زەيدمۇ سۈرىيەدىكى مۇئتە غازىتىدا شېھىت بولدى. بەرەقە بۇ چاغدا 70 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپ ۋاقتىنى ئۆيىدە ئۆتكۈزەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر بىلەن ئۇنى يوقلاپ كېلەتتى ۋە ئۇنىڭدىن سورايتتى:
-
ئى ئانا! ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
-
يا رەسۇلۇللاھ! پەقەت ئىسلام دىنى ياخشى تۇرۇۋاتقان بولسىلا، مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، - دەيتتى ئۇ جاۋابەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بەرەقە دائىم يىغلايدىغان بولۇپ قالدى، بىر قېتىم باشقىلار ئۇنىڭدىن:
-
نېمە ئۈچۈن يىغلاۋاتىسىز؟ - دەپ سورىغاندا، ئۇ جاۋاب بېرىپ:
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما مەن ھازىر ئۈستۈنكى ئاسماندىن كېلىدىغان ۋەھىينىڭ ئاياغلاشقانلىقىغا يىغلاۋاتىمەن، - دېگەن ئىدى.
بەرەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندىن تاكى ۋاپات بولغۇچە ئۇنىڭغا يېقىن ياشىغان بىردىن - بىر ئادەم ئىدى. ئۇ ھاياتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلدى. ئۇ ھۆرمەتلىك، ئەخلاقلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چوڭقۇر ئىخلاس قىلدى، ئۇنىڭ خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىدى. ئۇنىڭ ئىسلامغا تېخىمۇ كۈچلۈك مۇھەببىتى ۋە ئىخلاسى بار ئىدى.
ئۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ۋاپات بولدى.
گەرچە ئۇنىڭ نەسىبى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ جەننەتتىكى ئورنى ئېنىق ۋە شۈبھىسىزدۇر.
مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە
بۆلۈم: “مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە”بويى ئېگىز، قاۋۇل، چىرايى قارامتۇل كەلگەن مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئىچىدىكى مەشھۇرلىقى، بەستلىك قامىتى ۋە ياخشى ئەمەللىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن زامانداشلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.
تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ تېخى مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپلا مۇھەممەد دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئىسمىدىنمۇ بىز ئۇنىڭ مەدىنىلىكلەر ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال مۇسۇلمان بولۇپ، بۈيۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگەشكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. («مۇھەممەد» دېگەن بۇ ئىسىم ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن قوللىنىلمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىسىمنى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرغاندىن تارتىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان ئىسىم بولۇپ قالغان).
مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە مەدىنىدىكى ئەۋس قەبىلىسىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئەرەب ئەمەس ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تۇنجى تەشۋىقاتچى- مۇسئەب ئىبنى ئۆمەيرنىڭ دەۋىتى بىلەن مۇسۇلمان بولدى. ئۇ مەدىنىدىكى ئۇبەي ئىبنى ھۇدەير ۋە سەئد ئىبنى مۇئاز قاتارلىق ئابرۇيلۇق كىشىلەردىنمۇ ئىلگىرىراق ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا، مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى چىڭىتىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ھەر بىر مۇھاجىرنى بىردىن ئەنسار بىلەن قىيامەتلىك دوست قىلىپ قويدى. بۇ چارە مۇھاجىرلارنىڭ ئۆي ۋە تاماق جەھەتتىكى زۆرۈر ئېھتىياجىنى ھەل قىلىپ، مۇستەھكەم مۇسۇلمانلار جامائەسىنى قۇرۇشتا زور رول ئوينىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ خاراكتېرى ۋە مىجەز- خۇلقىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇپ، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا، تەبىئىتى ۋە مىجەزى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلارنى بىر جۈپ قېرىنداش قىلىپ قويغان ئىدى. ئۇ مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە بىلەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى قېرىنداش قىلدى. ئەبۇ ئۇبەيدەگە ئوخشاشلا مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەمۇ خىيالچان، ھەققانىيەتچى ۋە ئىخلاسمەن، شۇنداقلا جەڭ مەيدانىدا ناھايىتى باتۇر ۋە مۇستەھكەم تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ مەشھۇر چەۋەندازلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسلام يولىدا ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئىدى.
مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە تەبۇك غازىتىدىن باشقا بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان. تەبۇك غازىتى ۋاقتىدا، ئۇ ئەلى بىلەن بىرلىكتە مەدىنىنى ساقلاشقا قالغان قوشۇنغا باشلىق بولۇپ قېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا، ئۆزىنىڭ 10 بالىسىغا دائىم ئاشۇ ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلىپ بېرەتتى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنىڭ ھاياتىدا، ئۇنىڭ تۇلىمۇ ئىشەنچلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇنلىغان مىساللار بار.
ئوھۇد غازىتى باشلىنىشتىن بورۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە 700 كىشىلىك مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىر دالادا چىدىر تىكىپ كېچىنى ئۆتكۈزمەكچى بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئىشىنىپ 50 ئادەمگە قوماندان قىلىپ، پۈتۈن كېچە چىدىر ئەتراپىدا كۆزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. ئۇرۇش رەسمىي باشلانغان چاغدا، قۇرەيش قوشۇنى مۇسۇلمانلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى. 70 چە مۇسۇلمان شېھىت بولدى، نۇرغۇنلىرى تەرەپ- تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. پەقەت ئاز بىر قىسىم ئىمانلىق، باتۇر مۇسۇلمانلارلا تاكى ئۇرۇش ئاياغلاشقىچە ساباتلىق بىلەن تۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغدىدى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇ بىرەر غازاتقا چاقىرىلسىلا دەرھال ھازىر بولاتتى. بىر قېتىم ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارغا شەھەردىكى يەھۇدىي باشلىقلىرىنىڭ بەزى پىلانلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىدى. مەدىنىگە دەسلەپ كەلگەن ۋاقىتلاردا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەھەردىكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇنداق كېلىشىم تۈزۈشكەن ئىدى: «يەھۇدىيلار بىز بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشسە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ھامىيلىقىمىزدا بولۇپ، ھوقۇقتا بىز بىلەن ئوخشاش بولىدۇ… مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە مەدىنىنى قوغداپ، دۈشمەنلەرگە قارشى تەڭ ئۇرۇش قىلىدۇ… مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچمايدۇ ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باشقىلارغا ياردەم بەرمەيدۇ.» يەھۇدىي باشلىقلىرى بۇ كېلىشىمگە خىيانەت قىلىپ، قۇرەيشتىكى ۋە مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا كۈشكۈرتتى. ئۇلار يەنە ئىسلامنىڭ ئابرۇيىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، مەدىنىدىكى كىشىلەر ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالماقچى بولدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ بەدىر غازىتىدىكى چوڭ غەلىبىسىدىن كېيىن، مەدىنىدىكى يەھۇدىي قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بەنۇ قەينۇقا ناھايىتى قەبىھلىشىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ۋەھشىي بىر ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئۇلار مۇنداق دېدى:
- ئى مۇھەممەد! سەن بىزنى ئۆزۈڭنىڭ ئادەملىرىڭگە ئوخشاش دەپ قارامسەن؟ سەن ئۇرۇشتىن قىلچە خەۋىرى يوق ئادەملەرنى باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتىسەن. سەن بىزگە قارشى تۇرۇپ ئۇرۇشساڭ، ئاندىن بىزنىڭ بوش ئەمەسلىكىمىزنى بىلىپ قالاتتىڭ.
ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلدى. قەينۇقا يەھۇدىيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زەرگەر بولۇپ، مەدىنىدىكى بازارلارنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى خەزرەج قەبىلىسىنى ئۇرۇشتا ياردەمگە چاقىرغان بولسىمۇ، ئۇلار رەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنۇ قەينۇقا يەھۇدىيلىرىنىڭ يەرلىرىنى 15 كېچە مۇھاسىرە قىلدى. قورقۇپ كەتكەن قەينۇقا ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولۇپ، مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشكە بىر يول چىقىرىپ بېرىشىنى سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ كېتىشىگە رۇخسەت بەردى. پۈتۈن قەبىلە ئەر- ئايال ۋە بالىلار ھېچقانداق زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىماي كېتىۋالدى. ئۇلارنىڭ قورال- ياراقلىرى ۋە زەرگەرلىك ئەسۋابلىرى غەنىمەت ئېلىندى. ئۇلار سۈرىيەدىكى ئەزرىئەت دېگەن جايدا ئولتۇراقلاشتى.
گەرچە بىر- بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى تېخىچە كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، قەينۇقا يەھۇدىيلىرىنىڭ كېتىشى باشقا يەھۇدىيلارنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىك ھېسسىياتىنى تۆگىتەلمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئۆچمەنلىك پوزىتسىيەسىدە بولغان ھەمدە دۈشمەنلىكنى ئوچۇق ئاشكارىلىغان ئادەم - كەئب ئىبنى ئەشرەف ئىدى. كەئبنىڭ دادىسى ئەسلى ئەرەب بولۇپ، بىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، مەدىنىگە قېچىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە بىر مۇھىم يەھۇدىي قەبىلىسى بەنۇ نەزىرنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئەقىلە بىنت ئەبۇل ھەقىق دېگەن بىر يەھۇدىي ئايالغا ئۆيلەنگەن ئىدى. ئۇ كەئبنىڭ ئانىسى ئىدى. كەئب ئېگىز ۋە كېلىشكەن ئادەم ئىدى. ئۇ تونۇلغان شائىر بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ بايلىرىدىن ۋە ھىجازدىكى يەھۇدىيلارنىڭ مۇھىم باشلىقلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ بىر خورمىلىق بېغى بار بىر قورغاندا تۇراتتى. ئۇ نۇرغۇن يەھۇدىي ئۆلىمالىرىنى قوللاپ ياردەم بېرەتتى. كەئب ئىسلامغا ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلدى.
ئۇ شېئىر توقۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھەجۋىلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمان ئاياللارنى ھاقارەتلىدى. مەدىنىدىكى ۋە مەدىنە ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بەدىردىكى غەلىبىسىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى غەزەپلىنىپ كەتتى. بولۇپمۇ قۇرەيشلەرنى ئەسىر ئېلىپ ماڭغان مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى كۆرۈپ، تولىمۇ ئەسەبىيلىشىپ ئولتۇرالماي قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ غەزىپىنى قۇرەيشكە ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن، مەككىگە كەلدى ۋە ئۇلارنى قىساس ئېلىشقا كۈشكۈرتتى. ئاندىن ئۇ باشقا جايلارغا بېرىپ، قەبىلىمۇ-قەبىلە چېپىپ يۈرۈپ، كىشىلەرنى قوللىرىغا قورال ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرۇشقا ئۈندىدى. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەن چاغدا، ئۇ دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئەگەر خالىساڭ ئەشرەفنىڭ ئوغلىدىن مېنى قۇتۇلدۇرغىن!» دېدى. كەئب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان تېنچلىققا ۋە ئورتاق ئىشەنچ ئورنىتىشقا نىسبەتەن رېئال بىر خەۋپ بولۇپ قالدى. كەئب مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تىل تەككۈزۈشنى ۋە مۆمىن ئاياللارنى ھاقارەتلەشنى داۋاملاشتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى بولمىغۇر پائالىيەتلەرنى ۋە ۋەھشىي سۇيىقەستلەرنى تۆگىتىشكە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇ رەت قىلدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر ئىسيان قوزغىماقچى بولغان ئىدى. يۇقىرىقىدەك ئىشلار بىلەن كەئب ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوچۇق ئۇرۇش ئاچتى. ئۇ يېڭى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە نىسبەتەن تولىمۇ خەتەرلىك ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن تولىمۇ غەزەپلىنىپ، مۇسۇلمانلارغا:
-
كىم كەئب ئىبنى ئەشرەفنى جايلىۋېتىدۇ؟ ئۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى غەزەپلەندۈردى، - دېدى.
-
سېنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جايلىۋېتىمەن، يا رەسۇلۇللاھ! - دېدى مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنچىۋالا ئاددىي ۋەزىپە ئەمەس ئىدى. بىر مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئۆيىگە بېرىپ، قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئويلىنىپ، تا ئۈچ كۈنگىچە ئېغىزىغا گىياھ سالمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن تاماق يېمەي، سۇ ئىچمەي ئولتۇرغانلىقىنى سورىۋېدى، ئۇ:
-
ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ساڭا بىر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش توغرىلىق ۋەدە بەردىم، ئەمما مەن ئورۇنلىيالامدىم ياكى ئورۇنلىيالمامدىم ئۇقمايمەن، - دەپ جاۋاب بەردى.
-
سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت شۇنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بار كۈچۈڭ بىلەن تىرىشىش، - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. ئاندىن مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە بەزى ساھابىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قانداق ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەئب ئىبنى ئەشرەفنىڭ ئېمىلدەش ئىنىسى ئەبۇ نائىلەمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەكچى بولۇشتى، ئاندىن ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىكى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، كەئبنى قورغىنىدىن ئالداپ ئېلىپ چىقىش پىلانىنى ئېيتىپ، رۇخسەت سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رۇخسەت بەردى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە كەئبنىڭ جىيەنى، ئەبۇ نائىلە بولسا ئۇنىڭ ئېمىلدەش قېرىندىشى ئىدى. ئۇلار كەئبنىڭ ئۆيىگە باردى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئالدى بىلەن سۆزلەپ:
-
بۇ ئادەم (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى) بىزدىن تولا سەدىقە سوراپ، بىزدە يېگۈچىلىكمۇ بىر نەرسە قالمىدى.
ئۇ بىزگە زومىگەرلىك قىلىپ بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن سەندىن ئازراق پۇل قەرز سوراپ كەلدىم، - دېدى.
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىۋاتىمەن، - دېدى كەئب. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئاندىن:
-
بىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قاپتىكەنمىز، بۇ ئىش بىر ياقلىق بولغۇچە بىز ئۇنى تاشلىۋەتمەي تورايلى، بىز سېنىڭ بىر ئىككى ۋەسەق ئالتۇن بېرىپ تۇرۇشۇڭنى سورايمىز، - دېدى. كەئب ئالتۇننى بېرىشنى ۋەدە قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا:
-
سىلەر تېخىچە ئۇنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئەگىشىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلمىدىڭلارمۇ؟ مەيلى، ئەمما سىلەر ماڭا بىر نەرسىنى گۆرۈگە قويۇشۇڭلار كېرەك، - دېدى، ئۇلار:
-
نېمىنى گۆرۈگە قويۇشىمىزنى خالايسەن؟ - دەپ سورىدى. كەئب:
-
ئاياللىرىڭلارنى گۆرۈگە قويۇڭلار.
-
سەن ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئادەم تۇرساڭ، قانداقمۇ ئاياللىرىمىزنى گۆرۈگە قويىمىز؟ - دېدى.
-
ئۇنداق بولسا بالىلىرىڭلارنى گۆرۈگە قويۇڭلار، - دېدى كەئب.
-
بىر- ئىككى ۋەسەق ئالتۇن ئۈچۈن بالىلىرىنى گۆرۈگە قويدى دەپ باشقىلار بىزنى تىللىمامدۇ؟ بۇ بىز ئۈچۈن ئەيىب، ساڭا قوراللىرىمىزنى گۆرۈگە قويايلى، سەن بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى بىلىسەن، - دېيىشتى.
كەئب ئۇلارنىڭ قوراللىق كېلىپ ئۇنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار قوراللارنى كېيىنكى قېتىم ئېلىپ كېلىشكە ۋەدە بېرىشتى. شۇ چاغدا ئەبۇ نائىلە كەئبكە:
-
ئى ئىبنى ئەشرەف، مەن سېنىڭ قېشىڭغا بىر گەپنى دېمەكچى بولۇپ كەلگەن ئىدىم، ئەمما سەن مېنىڭ كېلىش سەۋەبىمنى سوراپمۇ قويمىدىڭ، - دېدى ئاغرىنغاندەك قىلىپ. كەئب ئۇنىڭ گەپلىرىنى دېيىشىنى ئېيتقان ئىدى، ئەبۇ نائىلە:
-
بۇ ئادەم مەيدانغا چىقىپ، بىز ئەرەبلەرنىڭ ئادەتلىرىمىزنىمۇ ئاياغ- ئاستى قىلىۋەتتى، ئائىلىمىز ئاچلىقتا ۋە قىيىنچىلىقتا قالدى، ئائىلىمىزدىكىلەر ئاچلىقتىن بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ، - دېدى.
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى ئىبنى مەسلەمە، مەن ئىبنى ئەشرەف بۇرۇن ساڭا ئېيتقان، مانا ھازىر دەل مۆلچەرلىگىنىمدەكلا بوپتۇ، - دېدى كەئب جاۋاب بېرىپ.
-
بىزگە ئازراق يېمەكلىك سېتىپ بەرگىن، نېمىنى خالىساڭ شۇنى گۆرۈگە قويىمىز، بىزگە رەھىم قىلغىن، مېنىڭ يەنە بىر نەچچە دوستۇم بار، ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئەھۋالدا، مەن ئۇلارنى سېنىڭ قېشىڭغا باشلاپ كەلسەم، ئۇلارغىمۇ يېمەكلىك سېتىپ بېرىپ بىر ياخشىلىق قىلساڭ، بىز كەلگەندە قورال- ياراقلىرىمىزنى گۆرۈگە قويىمىز.
-
قوراللىرىڭلارنى گۆرۈگە قويساڭلار مەن خاتىرجەم بولىمەن، - دېدى كەئب. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۆرۈگە قويىدىغان نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قايتىپ كەتتى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، بولغان ئىشلارنى بايان قىلدى. شۇ كۈنى كەچتە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە، ئەبۇ نائىلە، ئەبباد ئىبنى بىشىر، ھارىس ئىبنى ئەۋس ۋە ئەبۇ ئەبەسە ئىبنى جابىر قاتارلىقلار كەئبنىڭ ئۆيىگە ماڭدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يېقىن بىر يەرگىچە ئۇزىتىپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارغا:
-
ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ ئىلگىرىلەڭلار، - دەپ تاپىلىدى، ئاندىن، - ئى پەرۋەردىگارىم، ئۇلارغا ياردەم بەرگىن، - دەپ دۇئا قىلىپ قايتىپ كەتتى. بۇ ھىجرەتنىڭ 3- يىلى رەببىيۇل ئەۋۋەلنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە قالغان تۆتەيلەن بىلەن بىللە كەئبنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى، ئۇلار ئۇنى چاقىردى، كەئب چىقماقچى بولىۋىدى، ئايالى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ:
-
سەن دۈشمەنلىك ئادەم، بۇنداق چاغدا سىرتقا چىقمىغىن، - دېدى.
ئۇلار مېنىڭ جىيەنىم مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە بىلەن ئېمىلداش قېرىندىشىم ئەبۇ نائىلە…..، - دېدى ۋە كارىۋاتتىن چۈشۈپ قىلىچىنى ئېلىپ سىرتقا چىقتى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن كۈچلۈك ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇراتتى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە:
-
مەن بۈگۈنكىدەك خۇشبۇيلۇقنى كۆرمىگەن ئىدىم، بېشىڭنى پۇرىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭ، - دېۋېدى، كەئب بېشىنى تۇتۇپ بەردى. ئۇ كەئبنىڭ بېشىنى چىڭ تۇتىۋالغاندىن كىيىن، ھەمراھلىرىغا:
-
ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى چېپىڭلار! - دەپ توۋلىدى. (بۇ ۋەقە توغرۇلۇق ئوخشىمىغان خاتىرىلەر بار، بەزىلەر: چېپىش بۇيرۇقىنى بەرگەن ئادەم ئەبۇ نائىلە، بۇ ئىش كەئب ئۆيدىن چىقىپ ئۇلار بىلەن خېلى ماڭغاندىن كىېىن بولغان دەپ قارايدۇ). كەئب ئىبنى ئەشرەفنىڭ يوقىتىلىشى مەدىنىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى سۇيىقەست پىلانلاۋاتقانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. كەئبنىڭكىگە ئوخشاش ئاشكارا دۈشمەنلىكلەر مەلۇم ۋاقىت ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈنلەي توختىمىدى.
ھىجرەتنىڭ 4- يىلىنىڭ باشلىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان يەھۇدىي قەبىلىلىرىدىن بەنۇ نەزىرگە بېرىپ، مەلۇم ئىش توغرىلىق ياردەم سورىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ نەق مەيداندا ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى، ئۇ قەتئىي ھەرىكەت قوللانمىسا بولمايتتى. بەنۇ نەزىر يېرىققا كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال شەھەرگە قايتىپ كەتتى، ئاندىن مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا خائىنلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن 10 كۈن ئىچىدە مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى مەدىنىدە ئۇچرىتىپ قالسا، تىرىك قالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنىڭ بەنۇ نەزىرگە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. ئۇنىڭ بەستلىك قامىتىنى كۆرگەن ۋە جاراڭلىق ئاۋازىنى ئاڭلىغان بەنۇ نەزىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگەنلىرىنى يەنى خائىنلىق قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋېتىگە ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنى بۇ ۋەزىپىنى بىجىرىشكە تاللىشى ئۇنىڭ ساداقىتىگە، غەيرىتىگە ۋە مۇستەھكەم ئىمانىغا ئىشەنچ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىدى.
بەنۇ نەزىرنىڭ مەدىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىشى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى، يەنى ئۇلارنىڭ باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرۇشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مۇھاسىرىگە ئېلىشى، ئاخىرى ئۇلارنىڭ تەسلىم بولۇشى، ئۇلارنىڭ خەيبەرنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ بېرىشى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرىشىمىز ھاجەتسىز. گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، بەنۇ نەزىرنىڭ ئىككى ئادىمى - يەمىم ئىبنى ئۆمەير بىلەن ئەبۇ سەئد ئىبنى ۋەھب مۇسۇلمان بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەئب ئىبنى ئەشرەف ئۆلتۈرۈلۈپ دەل بىر يىلدىن كېيىن يۈز بەردى.
مەيلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن بولسۇن، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئۆزىگە بىرەر ۋەزىپە تاپشۇرۇلسىلا، ئۇنى شۇ بويىچە ئورۇندايتتى، ھەرگىزمۇ بۇيرۇلغاندىن ئارتۇق ياكى كەم قىلمايتتى. شۇڭلاشقا ئۆمەر ئۇنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىگەن ئىدى ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى ۋە يېتەكچىسى ھېسابلايتتى. ئەمىر ئىبنى ئاس مىسىرگە ھۇجۇم قىلغاندا، ياردەمگە ئەسكەر سوراپ ئادەم ئەۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر ھەر بىرسى مىڭ ئەسكەردىن تەركىب تاپقان تۆت قوشۇن ئەۋەتتى.
بۇ قوشۇنلارغا مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام، ئۇبادە ئىبنى سامىت ۋە مىقداد ئىبنى ئەسۋەدلەر باشچىلىق قىلغان ئىدى. ئۆمەر ئەمىرگە بىر خەت قوشۇپ ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: «مەن مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنى ساڭا غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلىشقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتىم، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگىن، ئۇنىڭ ساڭا قىلغان قۇپاللىقلىرىنى كەچۈرگىن» دېيىلگەن ئىدى. ئىبنى مەسلەمە فۇستاتقا - ئەمىرنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى… ئۇ ئۈستەلدە ئولتۇرغان بولسىمۇ، تامىغىغا ئېغىز تەگمىدى. ئەمىر ئۇنىڭدىن:
-
ئۆمەر سېنى مېنىڭ تامىقىمنى يېيىشتىن چەكلىدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
-
ياق، - جاۋاب بەردى ئىبنى مەسلەمە، - ئۆمەر مېنى سېنىڭ تامىقىڭنى يېيىشتىن چەكلىمىدى ھەمدە مېنى سېنىڭ تامىقىڭنى يېيىشكىمۇ بۇيرىمىدى. ئاندىن ئۇ ئۈستەلگە ناندىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنى تۇز بىلەن قوشۇپ يېيىشكە باشلىدى. ئەمىر ئاچچىقلىنىپ:
-
ئاللاھ بىزنىڭ ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا ئىشلەيدىغان ۋاقتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بەرسۇن! مەن ئىلگىرى خەتتابنىڭ ۋە ئوغلى ئۆمەرنىڭ بەدىنىنىمۇ تولۇق يۆگىيەلمەيدىغان كىيىملەرنى كىيىپ، كوچىدا تېنەپ يۈرگەنلىكىنى، ئاس ئىبنى ۋائىل (ئەمىرنىڭ دادىسى) نىڭ بولسا زەر يوللۇق يىپەك تون كىيىۋالغانلىقىنى كۆرگەنمەن…، - دېدى.
-
سېنىڭ داداڭ ۋە ئۆمەرنىڭ دادىسى ھەر ئىككىلىسى دوزاختا، چۈنكى ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان. ئەمما ساڭا كەلسەك، ئەگەر ئۆمەر سېنى بىرەر ۋەزىپىگە تەيىنلىسە، سەن پەقەت ئۇ ئىلگىرى ساڭا بەرگەن نەرسىلەر بىلەن خۇشاللىنىشىڭ كېرەك، - مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە شۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئەمىرنىڭ مىسىرنىڭ ۋالىيسى بولغاچقا، ئېغىزىدىن تېخىمۇ قورقۇنچلۇق سۆزلەرنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزىگە ئاشكارا ئېتىراز بىلدۈردى.
-
ئىشلار ھەققانىيەت ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، - دېدى ئەمىر بۇ ناچار ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن.
-
شۇنداق، پەقەت ئۆمەر ھايات بولسىلا شۇنداق بولىدۇ، - دېدى مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئۆمەرنىڭ ھەققانىيەتچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك پرىنسىپىنى ئىپادىلىمەكچى بولۇپ.
مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئەنە شۇنداق ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچى ۋە تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئىدى.
يەنە بىر قېتىم ئۆمەر ئۆزىنىڭ خەلىپىلىكى ئاستىدىكى بىر ۋىلايەتتە، مەشھۇر سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسنىڭ كۇفەدە بىر ساراي سالدۇرغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنى بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. مۇھەممەد كۇفەگە كېلىپ، دەرھال بۇ ساراينى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. كىشىلەر ئۆمەرنىڭ بۇيرۇقىدىن ئەجەبلىنىپ كەتتىمۇ ياكى داڭلىق باتۇر، قادىسىيەنى ئىشغال قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئوھۇدتكى قەھرىمانلىقلىرىنى مەدھىيىلىگەن سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسنىڭ قاتتىق ئىزا تارتىپ كەتكەنلىكىدىن ئەجەپلەندىمۇ، ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيتتى. سەئد بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئەنە شۇ ئىسلامنىڭ كېڭىيىشىگە ياردەم بېرىدىغان، ھەققانىيەت ۋە ئاللاھقا، دىنغا بولغان ئىخلاس، تەقۋادارلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ۋە گۇناھىنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئىسلامى ئەخلاقنىڭ بىر قىسمى ئىدى.
مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئۆمەرنىڭ ۋارىسى، خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئەففانغا ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلدى. كېيىن ئوسمان ئۆلتۈرۈلۈپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندا، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئۇنىڭغا قاتناشمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بەرگەن، ئۇ دائىم ئىشلىتىدىغان قىلىچىنى قەستەن سۇندۇرىۋەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چەۋەندازى» دەپ ئاتالغان ئىدى. مۇسۇلمانلارغا تىغ كۆتۈرۈشنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇ ئۆزىنىڭ نام- شەرىپىنى قوغداپ قالدى. كېيىن ئۇ ياغاچتىن بىر قىلىچ ياساپ، ئۇنى ئوبدان زىننەتلىدى، ئاندىن غىلاپقا سېلىپ ئۆيىگە ئېسىپ قويدى. باشقىلار ئۇ توغرىلىق سورىغاندا، ئۇ:
- مەن ئۇنى پەقەت كىشىلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئېسىپ قويدۇم، - دەپ جاۋاب بەردى.
مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ھىجرەتنىڭ 46- يىلى سەفەر ئېيىدا مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتتى.
مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير
بۆلۈم: “مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير”مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير باي ئائىلىدە دۇنياغا كېلىپ، راھەت - پاراغەت ئىچىدە چوڭ بولدى. ئۇنىڭ باي ئاتا - ئانىسى ئۇنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ قىممەت كىيىملەرنى ۋە ئەڭ چىرايلىق ئاياغلارنى كەيگۈزەتتى. ئۇ چاغلاردا يەمەننىڭ ئاياغلىرى ئەڭ ياخشى ھېسابلىناتتى، مۇسئەب شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىللىرىنى تاللاپ كىيەتتى.
ياش ۋاقتىدىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ كېلىشكەن بوي - بەستى ۋە يۇقىرى قابىلىيىتى بىلەن، قۇرەيشنىڭ ئىچىدە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولدى. مەككە ئاقسۆڭەكلىرى ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇمۇ ئۇلاردىن قىلچە ھېيىقمايتتى. ئۇ گەرچە ياش بولسىمۇ، قۇرەيشنىڭ يىغىنلىرىغا ۋە يىغىلىشلارغا بىمالال قاتنىشالايتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار مەككىلىكلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى بىلىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىدى.
مەككىلىكلەر ئارىسىدا «ئەمىن ( ئىشەنچىلىك)» دەپ ئاتالغان مۇھەممەدنىڭ ئۆزىنى ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئازابتىن ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر تارقالدى. ئۇ قۇرەيشنى ئەگەر ئۇلار پەقەت بىر ئاللاھقىلا بويسۇنمىسا ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلمىسا، ئۇلارنىڭ قاتتىق ئازابقا قالىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىمان ئېيتقان ياخشى كىشىلەرنىڭ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۈتۈن مەككىدە شۇ توغرىلىقلا پاراڭ بولاتتى. مەككە تەۋرەپ كەتتى. دەككە- دۈككىدە قالغان قۇرەيش كاتتىلىرى مۇھەممەدنى نىيىتىدىن ياندۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئويلاپ چىقىشتى. مەسخىرە قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىشلار كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، ئۇلار كەڭ دائىرىدىكى زىيانكەشلىك ۋە دۈشمەنلىك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. مۇسئەب مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرەيشنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، سافا تېغىغا يېقىن جايدىكى بىر ئۆيگە يىغىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدى، بۇ ئەرقەمنىڭ ئۆيى ئىدى. ئاڭلىغانلىرىنىڭ راستلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، مۇسئەب باشقا قۇرەيشلەرگە ئوخشاشلا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى بىلەن بۇ ئۆيگە قاراپ ماڭدى. ئۆيدە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ساناقلىقلا ساھابىلىرىگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىۋاتقان، ھەممىدىن ئۇلۇغ، بۈيۈك ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قارشى ئالدى، ئۆزىنىڭ مۇبارەك قولىنى مۇسئەبنىڭ ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتكەن يۈرىكىنىڭ ئۈستىگە قويدى، ئۇ خاتىرجەملىك ھېسسىياتىغا چۆمدى. مۇسئەب ئۆزىنىڭ ئاڭلىغانلىرى ۋە كۆرگەنلىرى ئالدىدا ئۆزىنى تۇلىمۇ ئاجىز ھېس قىلدى. قۇرئان ئايەتلىرى ئۇنىڭغا ناھيىتى تېز ۋە چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇنجى كۆرۈشىشىدىلا ياش ۋە ئىرادىلىك مۇسئەب ئۆزىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاشۇ تارىخى دەقىقىلەردە، مۇسئەبنىڭ ئۆتكۈر زېھنى، قەتئىي سۇنماس ئىرادىسى، يۇقىرى نۇتۇق قابىلىيىتى ۋە ئېسىل مىجەزى ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا بۇرالدى. ئۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندا ئانىسىدىن ناھايىتى ئەنسىرىدى. ئانىسىنىڭ ئىسمى خۇننەس بىنت مالىك بولۇپ، قۇرەيشنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. ئۇ مۇتەھەم ئايال بولۇپ، باشقىلارنى قورقىتىپ ئۇششۇقلۇق قىلاتتى. مۇسئەب مۇسۇلمان بولغاندا، ئۆزىگە قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرىگەن بىردىنبىر ئادەم - دەل ئۇنىڭ ئانىسى بولدى.
بارلىق ئابرۇيلۇق مەككە ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دىنسىزلىق چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىگە مەھكەم يېپىشىۋېلىشلىرى ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭ ئىش ئەمەس ئىدى، پەقەت ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىنىلا سەل چاغلىغىلى بولمايتتى.
مۇسئەب تېزدىن ئويلىنىپ، تاكى ئاللاھ تەرەپتىن مۇشۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان بىر ۋاقىت كەلگۈچە، ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى يوشۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۇ ئەرقەمنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇردى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىدە بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى ئىمانىغا سادىق بولدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ بارلىق ئىپادىلىرىنى ئانىسىدىن قاتتىق يوشۇرۇپ، ئانىسىنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇپ قالدى، ئەمما بۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۇ كۈنلەردە مەككىدە بىرەر ئىشنى ئۇزۇن مۇددەت مەخپىي تۇتۇپ يۈرۈش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس ئىدى. ھەممىلا يەردە قۇرەيشنىڭ كۆز قۇلاقلىرى، بوش توپىلاردا قالغان ھەر بىر ئاياغ ئىزىنىڭ ئارقىسىدا قۇرەيش جاسۇسلىرى بار ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمان ئىبنى ئەبۇ تەلھە دېگەن ئادەم مۇسئەبنىڭ ئەرقەمنىڭ ئۆيىگە غىپپىدە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى. ئوسمان يەنە بىر قېتىم، مۇسئەبنىڭ مۇھەممەدنىڭ ناماز ئوقۇغىنىغا ئوخشاش ناماز ئوقۇغىنىنى كۆردى، ئىش ئايدىڭلاشتى. مۇسئەبنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق خەۋەر ناھايىتى تېزلا قۇرەيشنىڭ ئارىسىدا تارقالدى ۋە ئاخىرى ئانىسىغا يەتتى.
مۇسئەب نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقى ۋە ئۆزى توغرۇلۇق نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يىغىلغان ئۆزىنىڭ جەمەتى، قۇرەيش كاتتىۋاشلىرى ۋە ئانىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا مۇسئەب مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە مۇسۇلمان بولۇشتىكى سەۋەبىنى قىلچە ھودۇقماستىن ئوتتۇرىغا قويدى، ئاندىن ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى پاكلىغان ۋە ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەسلى دىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن قۇرئان ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلدى. گەرچە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئەقىل - پاراسەت، تەقۋادارلىق، ھەققانىيەت ۋە غەيرەت - جاسارەت بىلەن تولغان ئىدى.
مۇسئەبنىڭ ئانىسى ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان قىلغان ئامراق ئوغلىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، غەزىپىنى باسالماي قالدى. بىر تەستەك بىلەن ئوغلىنىڭ ئېغىزىنى بېسىقتۇرماقچى بولغان ئىدى، ئەمما مۇسئەبنىڭ قەتئىي تۈس ئالغان چىرايىدىن يانغان نۇرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئوقيادەك ئېتىلغان قولى بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ قالدى. ئېھتىمال ئۇنىڭ ئۆز ئوغلىغا بولغان مۇھەببىتى ئۇنى راستتىنلا ئۇرۇشتىن تۇسۇپ قويغاندۇ؟! ئەمما ئۇ يەنىلا ئوغلى ئىنكار قىلىپ، قول ئۈزگەن بۇتلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانماقچى بولدى ئۇنىڭ ئويلاپ تاپقان پىلانى تېخىمۇ قەبىھ بولۇپ، مۇسئەب ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر نەچچە تەستەك يېيىش ئۇنىڭغا قارىغاندا ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى. ئۇ مۇسئەبنى ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا ئەكېلىپ باغلاپ قويدى، مۇسئەب ئۆزىنىڭ ئۆيىدىلا مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالدى. مۇسئەب ئۇزۇنغىچە باغلاقلىق ھالەتتە، ئانىسى ئۇنىڭ مۇھەممەد ۋە ئۇ تەشۋىق قىلغان ئىمان بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن توسۇش مەقسىتىدە ئۇنى كۆزىتىشكە قويۇپ قويغان كۆزەتچىنىڭ نەزەر بەنتى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. گەرچە ئەنە شۇنداق ئازابلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، مۇسئەب ھەرگىزمۇ تەۋرىنىپ قالمىدى. ئۇ باشقا مۇسۇلمانلارنىڭمۇ بۇتپەرەستلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئازابلارغا ۋە زۇلۇملارغا ئۇچرىغىنىنى ئاڭلىغان ئىدى.
باشقا نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش، مەككىدە ياشاش ئۇنىڭغا چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىيىنلىشىپ كەتتى. شۇ كۈنلەردە ئۇ بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ پاناھلىق ۋە كەڭچىلىك ئىزدەپ، مەخپىي ھالدا ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ دەرھال بۇ تۈرمىدىن قانداق قىلىپ قېچىپ، ئۇلارغا قوشۇلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىق ئويلاندى. ئۇنىڭ ئانىسى ۋە كۆزەتچى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇ غىپپىدىلا قېچىپ چىقتى، ئاندىن ناھايىتى تېزلىك بىلەن باشقا پاناھلىق ئىزدەپ ماڭغانلارغا قوشۇلدى، ئۇزۇنغا قالماي كېمە بىلەن قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئافرىقىغا بېرىۋالدى.
گەرچە نەجاشىنىڭ زېمىنىدا تىنچ ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مۇسۇلمانلار ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ، مەككىدە بىللە تۇرۇشقا تولىمۇ ئىنتىزار بولۇپ كەتتى. مەككىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانغانلىقى توغرىلىق خەۋەر ھەبەشىستانغا يېتىپ كەلگەن چاغدا، مۇسئەب مەككىگە قايتىپ كەتكۈچىلەرنىڭ تۇنجىسى بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خەۋەر يالغان بولۇپ، مۇسئەب يەنە ھەبەشىستانغا قايتىپ كەلدى. ئۇ مەيلى مەككىدە ياكى ھەبەشىستاندا بولسۇن، ئۆزىنىڭ يېڭى ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇردى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىغا يارىغۇدەك رەۋىشتە ياشىيالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلاتتى. مۇسئەب ئىككىنچى قېتىم مەككىگە قايتىپ كەلگەندە، ئانىسى ئاخىرقى قېتىم ئۇنى تىزگىنلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇنى يەنە باغلاپ نەزەربەند ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى. مۇسئەب ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلماقچى بولسا، ئانىسىغا ھەمدەمدە بولغان ھەممەيلەننى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەسەم قىلدى. ئانىسى ئوغلىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ شۇ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشەندى.
ئانا - بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزىۋېتىشنىمۇ يىراق سانىغىلى بولمايتتى. ئاشۇ دەقىقىلەر يېتىپ كەلگەندە، بۇ ئانا - بالا ئىككەيلەنگە ئېغىر تۇيۇلدى. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنىڭ كۇفرىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ بولسا ئىمانىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى. ئانىسى ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بارلىق راھەت - پاراغەتتىن قىسىپ قويدى ۋە ئۇنىڭغا:
-
بېرىپ خالىغىنىڭنى قىل، مەن سېنىڭ ئاناڭ ئەمەس، - دېدى. مۇسئەب ئانىسىغا يېقىن كېلىپ، ئۇنىڭغا:
-
ئى ئانا! مەن سىزگە سەمىمىي نەسىھەت قىلاي، مەن سىزگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىمەن، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىڭ، - دېدى.
-
ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ كۆز قارىشىمنى مەسخىرە قىلساڭمۇ، مېنىڭ كاللام زەئىپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەرگىز سېنىڭ دىنىڭغا كىرمەيمەن، - دېدى ئانىسى قەتئىي ھالدا.
شۇنداق قىلىپ مۇسئەب ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن، بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان راھەت - پاراغەت ۋە بەختلىك تۇرمۇشتىن ئايرىلدى. بۇ يىگىتنىڭ پۇزۇر، يارىشىملىق كىيىنگەن دەۋرى شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆتمۈشكە ئايلاندى. ئەمما ئۇنىڭ باشقا ئەندىشىلىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتىنى ۋە بار كۈچىنى بىلىم ئىگىلەشكە، ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا سەرپ قىلىشقا بەل باغلىغان ئەمەسمىدى!؟
بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، بىر كۈنى مۇسئەب مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرىكەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن) نى چۆرىدەپ ئولتۇرغان يېرىگە كېلىپ قالدى.
مۇسۇلمانلار مۇسئەبنى كۆرۈپ، باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشتى، ھەتتا بەزىلىرى يىغلاپ كېتىشتى. چۈنكى ئۇنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرى بەك كونا، يىرتىق كىيىملەر ئىدى. ئۇلار مۇسئەبنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىدىغان كۈنلىرىنى ئېسىگە ئېلىشقان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەبكە قاراپ، يېقىملىق كۈلۈپ:
- مەن مۇسئەبنىڭ مەككىدە ئاتا - ئانىسى بىلەن ياشىغان ۋاقتىنى كۆرگەن، ئۇلار ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپ، راھەت - پاراغەتتىن يەتكۈچە بەھرىمەن قىلغان ئىدى. قۇرەيش ياشلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭدەك ئەتىۋارلىق يەنە بىرى تېپىلمايتتى. ئاندىن ئۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ئۇلاردىن ئايرىلدى ۋە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى، - دېدى، ئاندىن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ، ئاللاھ سىلەرگە پارس ۋە ۋىزانتىيە (رىم) ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە ئاتا قىلىدۇ، ئۇ چاغدا سىلەر ئەتىگەندە بىر خىل كىيىم، كەچتە بىر خىل كىيىم كىيىسىلەر، ئەتىگەنلىكىڭلارغا بىر خىل تاماق، كەچلىكىڭلارغا يەنە بىرخىل تاماق يەيسىلەر، - دېدى.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ كەلگۈسىدە باي ۋە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىدىن ۋە ماددىي بايلىقلارغا يېتەرلىك ئىگە بولىدىغانلىقىدىن ئالدىنئالا خەۋەر بەردى. يېنىدا ئولتۇرغان ساھابىلەر سورىدى:
-
يا رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز ياخشىمۇ ياكى مال - دۇنياغا ئېرىشكەن كېيىنكى ھالىتىمىزمۇ؟
-
سىلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭلار كېيىنكىسىدىن ياخشى، ئەگەر سىلەر مەن بىلگەندەك بىلىدىغان بولساڭلار، ھەرگىزمۇ مال- دۇنياغا ئۆزۈڭلارنى ئۇرمايتتىڭلار، - دەپ جاۋاب بەردى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
يەنە بىر قېتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر بىلەن ئوخشاش مەزمۇندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇلاردىن، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەتىگەندە بىر خىل كىيىمى ۋە كەچتە بىر خىل كىيىمى بولسا، ھەتتا كەئبە پۈتۈنلەي يۆگەلگەنگە ئوخشاش ئۆيلىرىنى يۆگەيدىغان يېتەرلىك رەخت بولسا، قانداق بولىدىغانلىقىنى سورىدى. ساھابىلەر تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى قورساق توق، خالىغانچە ئىبادەت قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ كېيىنكىسىدىن كۆپ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
كىشىلەرنى ئىسلامغا چاقىرىپ ئون يىلدىن كېيىنمۇ مەككىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلامغا يەنىلا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئىمانغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن تائىفقا باردى، ئەمما ئۇ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراپ، شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئىسلامنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىد ئاز ئىدى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسئەبنى ئىسلامغا بەيئەت قىلغان ئاز ساندىكى مۇسۇلمانلارغا ئىسلامنى ئۆگىتىش ۋە كېيىنكى بۈيۈك ھىجرەت ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن مەدىنىگە ئۆزىنىڭ ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىنرەك بولغان ئىش ئىدى. مۇسئەب بۇ ۋەزىپىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن تۇغقانلاردىن بولغان ۋە ياكى ياش جەھەتتە چوڭ بولغان پېشقەدەم ساھابىلەرنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئىدى. شۈبھىسىزكى، مۇسئەب بۇ ۋەزىپىگە ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى، ياخشى مىجەزى ۋە زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلىكى سەۋەبىدىن تاللانغان ئىدى. ئۇنىڭ قۇرئان كەرىم بىلىملىرى ۋە ئۇنى ئاجايىپ چىرايلىق ۋە مۇڭلۇق قىرائەت قىلىشلىرىمۇ مۇھىم ئامىللاردىن ئىدى. مۇسئەب ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنەتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە ئىسلامنىڭ توغرا يولىغا چاقىرىش ۋە ياش، يېتىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئۈچۈن تېرىتورىيە (زېمىن) بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بىر ۋەزىپىنى بېجىرىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ مەدىنىگە خەزرەج قەبىلىسىدىن سەئد ئىبنى زۇرارەنىڭ تۇغقىنى سۈپىتىدە كىردى. ئۇلار بىرلىكتە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە، يىغىلىشلىرىغا بېرىپ، ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى، ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈردى ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بەردى. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى، مۇسئەب بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى، ئەمما مەدىنە جەمئىيىتىنىڭ نۇرغۇن كاتتىۋاشلىرى قاتتىق چۆچۈپ كېتىشتى.
بىر قېتىم مۇسئەب بىلەن سەئد زەفەر جەمەتىنىڭ بېغىدىكى قۇدۇقنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى، نۇرغۇنلىغان يېڭى مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ئىسلامغا قىزىقىدىغان كىشىلەرمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. شۇ ئەسنادا، شەھەرنىڭ ئىمتىيازلىق مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى ئۇسەيد ئىبنى خۇدەير نەيزىسىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى، ئۇ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى. سەئد ئىبنى زۇرارە ئۇنى كۆرۈپ، مۇسئەبكە:
-
ئۇ ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقى، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە ھەقىقەتنى سالسۇن، - دېدى.
-
ئەگەر ئۇ ئولتۇرسا، ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن، - دېدى مۇسئەب ناھايىتى سالماقلىق بىلەن. غەزەپلىنىپ كەتكەن ئۇسەيد مۇسئەب بىلەن سەئدنى تىللاپ، تەھدىت سېلىشقا باشلىدى:
-
سىلەر ئىككىڭلار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاجىز كىشىلەرنى بۇزىسىلەر؟ ئەگەر تىرىك قېلىشنى خالىساڭلار، دەرھال كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار. مۇسئەب ئىللىق ۋە دوستانىلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئۇسەيدكە:
-
ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ باقمامسەن!؟ ئەگەر خالىساڭ ۋە سۆزىمىزدىن رازى بولساڭ قوبۇل قىلارسەن، ئەگەر خالىمىساڭ، سەن ئۆچ كۆرىدىغان نەرسىنى سۆزلەشنى توختىتىپ، بىزمۇ بۇ يەردىن كېتىمىز، - دېدى.
-
گېپىڭ ئورۇنلۇق، - دېدى ئۇسەيد نەيزىسىنى يەرگە سانجىپ ئولتۇرۇپ.
مۇسئەب ئۇنى ھېچنېمە قىلىشقا مەجبۇرلىمىدى ياكى ئۇنى ئەيىبلىمىدى، پەقەتلا ئاڭلاپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. ئەگەر ئۇ رازى بولسا ياخشى بولاتتى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، مۇسئەب ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭ جايىدىن ۋە جەمەتىدىن ئايرىلىپ، باشقا جايغا باراتتى. مۇسئەب ئۇنىڭغا ئىسلام توغرىلىق سۆزلەپ بېرىشكە ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىشكە باشلىدى، ئۇسەيد بىر نەرسە دېمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ نۇرلىنىپ ۋە تەشنا بولۇپ كەتكەن چىرايىدىن قەلبىگە ئىمان كىرگەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
-
بۇ سۆزلەر نېمە دېگەن چىرايلىق ۋە نېمە دېگەن ياخشى! ئەگەر بۇ دىنغا كىرمەكچى بولسام قانداق قىلىمەن؟
-
غۇسۇلى قىلغىن، ئۆزۈڭنى ۋە كىيىملىرىڭنى پاكلا، ئاندىن شاھادەت ئېيتقىن، ناماز ئوقۇغىن.
ئۇسەيد بۇ يەردىن چىقىپ كېتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قايتىپ كەلدى، ئاندىن بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى، ئاندىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى، ئاندىن مۇسئەبكە:
- بىر ئادەم بار، ئەگەر ئۇ ساڭا ئەگەشسە، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ھەممە كىشىلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ، مەن ھازىر ئۇنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىمەن، ئۇ سەئد ئىبنى مۇئاز، - دېدى.
سەئد ئىبنى مۇئاز كېلىپ، مۇسئەبنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى، ئۇ قايىل بولۇپ ۋە رازىمەنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەدىنىدىكى يەنە بىر مۇھىم شەخس - سەئد ئىبنى ئۇبادەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇمۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن مۇسۇلمان بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەدىنە خەلقى خۇشاللىق ۋە ھاياجان ئىچىدە بىر - بىرىگە:
- ئۇسەيد ئىبنى خۇدەير، سەئد ئىبنى مۇئاز ۋە سەئد ئىبنى ئۇبادە قاتارلىقلار بۇ يېڭى دىننى قوبۇل قىلغان يەردە، بىز قانداقمۇ ئۇلارغا ئەگەشمەيلى؟! بىز مۇسئەبنىڭ قېشىغا بېرىپ ئىمان ئېيتايلى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىككى لىۋى ئارىسىدىن ھەقىقەت چىقىدۇ، دېيشىدۇ، - دېيىشتى.
شۇنداق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تۇنجى ئەلچىسى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ناھايىتى غەلىبىلىك ئادا قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن توغرا تاللىغان ئىدى. ئەر - ئايال، قېرى - ياش، كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەممەيلەن ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن ئىمان ئېيتتى. مەدىنىنىڭ تارىخى مەڭگۈلۈككە ئۆزگەردى، بۈيۈك ھىجرەتكە يول ھازىرلاندى. مەدىنە ناھايىتى تېزلا بۈيۈك ئىسلامى دۆلەتنىڭ مەركىزى ۋە ئاساسى بولۇپ قالدى. مۇسئەب مەدىنىگە كېلىپ بىر يىل بولمايلا مەككىگە قايتتى. بۇ ھەج مەۋسۇمى ئىدى. مەدىنىلىك 75 مۇسۇلمانمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. مىناغا يېقىن ئەقەبەدە، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ يەردە ئۇلار بار كۈچى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغدايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا، ئۇلار ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرسىلا جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەدىنە مۇسۇلمانلىرى قىلغان بۇ ئىككىنچى قېتىملىق بەيئەت كېيىنچە «ئۇرۇش بەيئىتى» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىشلار ناھايىتى تېزلا يۈرۈشۈپ كەتتى. بەيئەتتىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىنىي جەھەتتە قاتتىق سىقىلىشلارغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇدى. مەدىنىدە يېڭى مۇسۇلمانلار ياكى ئەنسارىلار خۇشاللىق بىلەن ئۇلارغا پاناھلىق بېرىپ، خورلانغان مۇسۇلمانلارنى ھامىيلىقىغا ئالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدە مەدىنىگە تۇنجى بولۇپ كەلگەنلەر - مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير بىلەن ئەما ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئىدى. ئابدۇللاھمۇ قۇرئاننى چىرايلىق تىلاۋەت قىلاتتى. بىر ئەنسارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسئەب ۋە ئابدۇللاھ ئىككىلىسى مەدىنە خەلقىگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بەرگەن ئىدى.
مۇسئەب يېڭى جەمئىيەت قۇرۇشتا، ئىلگىرىكىدەكلا مۇھىم رول ئوينىدى. بىز ئۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم ۋەقەلىكىنى مەشھۇر بەدىر غازىتىدا ئۇچرىتىمىز. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندا، قۇرەيش ئەسىرلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئەسىرلەرنى بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەربەند قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. «ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دېدى ئۇ. ئەسىرلەرنىڭ ئىچىدە مۇسئەبنىڭ ئىنىسى ئەبۇ ئەزىز ئىبنى ئۆمەيرمۇ بار ئىدى. ئەبۇ ئەزىز بولغان ئىشنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:
-
مەن بىر توپ ئەنسارىلارنىڭ ئارىسىدا ئىدىم، ئۇلار تاماق يېمەكچى بولسىلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ماڭا نان ۋە خورما بېرەتتى. مېنىڭ ئاكام مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتۈپ قالدى ۋە ماڭا كۈزەتچىلىككە قويۇلغان ئەنسارىغا:
-
ئۇنى چىڭ باغلا…، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى باي ئايال، ئېھتىمال سەن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن تۆلەم پۇلغا ئېرىشىپ قېلىشىڭ مۇمكىن، - دېدى. ئەبۇ ئەزىز ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى، قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە مۇسئەبكە قاراپ:
-
قېرىندىشىم، مەن توغرىلىق شۇنداق سۆزلەرنىمۇ قىلامسەن؟ - دەپ سورىدى.
-
مېنىڭ قېرىندىشىم مانا ماۋۇ، سەن ئەمەس، - دېدى مۇسئەب. شۇ سۆزلىرى بىلەن، ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتتىن ئىمانى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچلۈكرەك بولىدىغانلىغنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئوھۇد غازىتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھازىر «مۇسئەبۇل خەير» دەپ ئاتالغان مۇسئەبنى مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈشكە بۇيرۇدى. ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە، مۇسۇلمانلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، ئاندىن بىر قىسىم مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئورۇنلىرىنى تاشلاپ كېتىشتى. مۇشرىكلار ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى. مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى پاتىپاراق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يوقىتىش بولدى. مۇسئەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىۋاتقان چوڭ خەۋپنى چۈشەندى - دە، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەكبىر توۋلىدى. بىر قولىدا بايراقنى، يەنە بىر قولىدا قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، قۇرەيش قوشۇنلىرىنىڭ ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ كەتتى. ئويلىمىغان يەردىن بىر قۇرەيش چەۋەندازى يېقىن كېلىپ، ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى كېسىۋەتتى، ئۇ تۆۋەندىكى سۆزلەرنى تەكرارلىدى: «مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ۋاپات بولغان». شۇ ئارقىلىق ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھەمدە يۇقىرىقىدەك پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ سول قولىمۇ كېسىۋېتىلدى. ئۇ بايراقنى كېسىۋېتىلگەن ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا قىسىپ، ئۆزىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى تەكرارلىدى: «مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ۋاپات بولغان». شۇ چاغدا مۇسئەبكە بىر نەيزە ئۇرۇلدى، ئۇ يىقىلدى، بايراقمۇ يىقىلدى. ئۇ ھەر قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چاغدا تەكرار ئېيتقان بۇ سۆزلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇكەممەل ھالدا نازىل بولۇپ، قۇرئاننىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.
ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر شېھىتلەر بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغا كەلدى. ئۇلار مۇسئەبنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، كۆز ياشلىرىنى تۇتىۋالالماي قېلىشتى. خەبباب رىۋايەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇسئەبنىڭ جەسىتىنى كېپەنلەش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ تونىدىن باشقا رەخت تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى يۆگىسە، پۇتى ئوچۇق قالدى، پۇتىنى يۆگىسە، بېشى ئوچۇق قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگىتىپ:
- تون بىلەن بېشىنى يۆگەڭلار، ئىزخىرنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن پۇتىنى يۆگەڭلار، - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوھۇد غازىتىدا شېھىت بولغان ساھابىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن تولىمۇ قايغۇرۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تاغىسى ھەمزەمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ جەسىتى رەھىمسىزلەرچە پارچىلىۋېتىلگەن ئىدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈچلۈك ھاياجان ئىلكىدە، مۇسئەبنىڭ جەسىتى يېنىغا كەلدى. ئۇ مۇسئەبنىڭ مەككىدە تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئېسىل كىيىنگەن سالاپەتلىك تۇرقىنى ئەسلىدى، ئاندىن ئۇنىڭ ھازىرقى بىردىن - بىر مال - مۈلكى - جەسىتىنىمۇ يۆگىيەلمەيدىغان تونىدىنلا ئىبارەت بولغان جەسىتىگە قارىدى، ئاندىن تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇدى:
ــ (مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان كىشىلەر بار(.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەزىرىنى مۇسئەب ۋە باشقا ساھابىلەر ياتقان جەڭ مەيدانىغا ئاغدۇردى ۋە مۇنداق دېدى:
-
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شېھىت ئىكەنلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاندىن ئەتراپىدىكى ھايات قالغان ساھابىلەرگە بۇرۇلۇپ:
-
ئى خالايىق! ئۇلارنى زىيارەت قىلىڭلار، ئۇلارغا سالام يوللاڭلار، جېنىم ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قىيامەت كۈنىگىچە قايسى مۇسۇلمان ئۇلارغا سالام يوللايدىكەن، شېھىتلار ئۇلارنىڭ سالامىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
-
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئى مۇسئەب!
-
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئى شېھىتلەر!
-
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ!
رۇمەيسە بىنت مىلھان
بۆلۈم: “رۇمەيسە بىنت مىلھان”ئىسلام دىنى مەدىنىگە تارقىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا، رۇمەيسە ئۆزىنىڭ ياخشى مىجەزى، ئۆتكۈر زېھنى ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغانلىقى، پىكىرىنىڭ ئوچۇقلىقى بىلەن تونۇلغان ئىدى. باشقىلار ئۇنى رۇمەيسە، غۇمەيسە… قاتارلىق نۇرغۇن ئىسىملار بىلەن چاقىراتتى، ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ لەقىمىدىنلا ئىبارەت ئىدى. بىر تارىخچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىسمى سەھلە بولۇپ، كېيىنچە ئۇممۇ سۇلەيم دەپ ئاتالغان ئىدى. ئۇممۇ سۇلەيم دەسلەپتە مالىك ئىبنى نەزىرگە نىكاھلانغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەشھۇر ساھابىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنەس ئىبنى مالىك ـ دەل ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ مالىك ئىبنى نەزىردىن بولغان ئوغلى ئىدى.
ئۇممۇ سۇلەيم مەدىنىدىكى ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن ئىدى. ئۇ ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە تۇنجى تەشۋىقاتچى ياكى ئىسلام ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ـ بىلىملىك، ئىسلام دەۋىتىگە ئۆزىنى ئاتىغان، ئۇستا ناتىق مۇسئەب ئىبنى ئۆمەيرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇ بىرىنچى ئەقەبە بەيئىتىدىن كېيىنكى ئىش ئىدى. بىرىنچى ئەقەبە بەيئىتىدە مەدىنىلىك 12 ئادەم مەككىنىڭ سىرتىدىكى ئەقەبەگە بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش يولىدىكى چوڭ ئىش ئىدى.
ئۇممۇ سۇلەيم ئېرى مالىك ئىبنى نەزىرنىڭ رۇخسىتىسىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. مالىك ئۇ چاغدا مەدىنىدە يوق بولۇپ، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئائىلىسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى سېزىپ، ئايالىدىن:
-
ياشىرىپ كەتكەندەك كۆرىنىسەنغۇ؟ - دەپ سورىدى.
-
ياق، - دېدى ئۇممۇ سۇلەيم، - مەن ھازىر بۇ ئادەمگە (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى) ئىمان ئېيتتىم.
مالىك بۇنىڭدىن خۇشال بولمىدى، بولۇپمۇ ئايالى كىشىلەرنىڭ ئالدىدىلا ئۆزىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغىنىدا، ئوغلى ئەنەسكە يېڭى ئىماننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۆگەتكىنىدە قاتتىق غەزەپلىنىپ كەتتى. ئۇممۇ سۇلەيم ئوغلىغا «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېيىشنى ئۆگەتتى. كىچىك ئەنەس ئىماننىڭ ئاددىي، ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك ئېلانىنى ئېنىق ۋە قەتئىي ھالدا تەكرارلايتتى. ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ يولدىشى غەزەپتىن ئۆزىنى باسالماستىن، ئايالىغا:
-
ئوغلۇمنى بۇزما! - دەپ ۋارقىرىدى.
-
مەن ئۇنى بۇزمىدىم!- دېدى ئۇ قەتئىي ھالدا. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ يولدا بىر دۈشمىنى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇممۇ سۇلەيم ئازراق بىئارام بولدى، ئەمما بەك قايغۇرۇپمۇ كەتمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بارلىقىنى ئوغلى ئەنەسنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئاتىدى. ھەتتا تارىخچىلار ئۇنىڭ ئەنەسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، قايتا توي قىلمىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىشىدۇ.
ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ تۇل قالغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئەبۇ تەلھە دەپ ئاتالغان زەيد ئىبنى سەھل ئۇنىڭغا باشقىلاردىن بۇرۇنراق توي قىلىش تەكلىپى قويۇش قارارىغا كەلدى. ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئۇنى رەت قىلمايدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئىشەنچى بار ئىدى. چۈنكى ئۇ كۈچلۈك، جاسارەتلىك، ناھايىتى باي، باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ھەشەمەتلىك ئۆيلىرى بار ئادەم بولۇپ، ماھىر چەۋەنداز، ئۇستا مەرگەن ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۇممۇ سۇلەيمگە ئوخشاشلا، بەنۇ نەججار جەمەتىدىن ئىدى.
ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
بۆلۈم: “ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.”يولدا كېتىۋېتىپ، ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ مۇسئەب ئىبنى ئۆمەيرنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئەسلىدى. «ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟- دېدى ئۇ ئۆز ـ ئۆزىگە -ئۇنىڭ يولدىشىمۇ كونا دىننىڭ سادىق مۇرىتى، مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە قارشى چىققان ئادەم ئەمەسمىدى؟» ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. ئىشىكنى چەكتى، ئۇممۇ سۇلەيم كىرىشكە ئىجازەت بەردى، ئۆيدە ئوغلى ئەنەسمۇ بار ئىدى. ئەبۇ تەلھە ئۆزىنىڭ كېلىش سەۋەبىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويدى.
- ئى ئەبۇ تەلھە! سىزگە ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلمايمەن، ئەمما سىز كاپىر، ئاللاھقا ئىشەنمەيسىز، شۇڭا سىز بىلەن توي قىلالمايمەن، - دېدى ئۇممۇ سۇلەيم.
ئەبۇ تەلھە: «ئېھتىمال ئۇ مەندىنمۇ بايراق ۋە ئابرۇيلۇقراق ئادەمگە ماقۇل بولۇپ بولغان، شۇڭلاشقا لەۋزىمنى قايتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلىدى. ئاندىن ئۇنىڭغا:
-
ئى ئۇممۇ سۇلەيم! مېنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلىشقا نېمە سەۋەبچى بولدى؟ ئاق، سېرىق مېتاللار (ئالتۇن ـ كۆمۈشنى دېمەكچى) ئەمەستۇ؟ - دېدى.
-
ئالتۇن ـ كۆمۈش؟ - سورىدى ئۇممۇ سۇلەيم سەل ھەيرانلىق ئارىلاشقان ئەيىبلەش ئاھاڭىدا.
-
ھەئە، - دېدى ئەبۇ تەلھە. ئۇممۇ سۇلەيم ئۇنىڭغا:
-
مەن سىزگە قەسەم قىلىپ بېرەي، ئى ئەبۇ تەلھە! مەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە شۇنداق دەپ قەسەم بېرىمەنكى، ئەگەر سىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلسىڭىز، مەن خۇشاللىق بىلەن ھېچقانداق ئالتۇن ـ كۆمۈشسىز سىزنىڭ ئايالىڭىز بولۇشقا رازىمەن، مەن سىزنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ مېھرى قىلىمەن، - دېدى. ئەبۇ تەلھە ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرىنى چۈشەندى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياغاچتىن ياسىۋالغان، ئۆز قەبىلىسىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي بۇتلىرىغا ئىخلاس قىلىپ، مۇھاپىزەت قىلغانغا ئوخشاش، ئۇنىڭغا كۆپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن بۇتلىرىنى ئەسلىدى. ئۇممۇ سۇلەيم ئۇنىڭغا بۇتقا ئىبادەت قىلىشنىڭ بىھۇدە ئاۋارىچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى بىلىپ:
-
ئى ئەبۇ تەلھە! سىز ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭىزنىڭ يەردىن ئۆسۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ - دېدى.
-
توغرا، - دېدى ئەبۇ تەلھە.
-
دەرەخنىڭ بىر پارچىسىنى نان پىشۇرۇش ۋە ئىسسىنىش ئۈچۈن قالاپ كۆيدۈرىۋېتىپ، قالغان پارچىسىغا ئىبادەت قىلسىڭىز ئەخمىقانىلىق ھېس قىلمامسىز؟ ئى ئەبۇ تەلھە! ئەگەر سىز بۇنداق ئەخمىقانە ئېتىقادتىن ۋاز كېچىپ، مۇسۇلمان بولسىڭىز، مەن خۇشاللىق بىلەن سىزنىڭ ئايالىڭىز بولۇشقا رازى بولىمەن، سىزنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىڭىزدىن باشقا ھېچ نەرسىنى تەلەپ قىلمايمەن.
-
ئۇنداقتا كىم ماڭا ئىسلامنى ئۆگىتىدۇ؟ - سورىدى ئەبۇ تەلھە.
-
مەن ئۆگىتىمەن، - جاۋاب بەردى ئۇممۇ سۇلەيم.
-
قانداق؟
-
ئىمان كەلىمىسىنى ئېيتىپ، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىسىز، ئاندىن ئۆيىڭىزگە بېرىپ بۇتلىرىڭىزنى چېقىپ تاشلىۋېتىسىز.
ئەبۇ تەلھە قايتىپ كېتىپ، ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ سۆزلىرىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلدى، ئاندىن ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ يېنىغا قان ـ قېنىغا پاتمىغان ھالدا قايتىپ كەلدى ۋە:
- مەن سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن قوبۇل قىلدىم، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، - دېدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇممۇ سۇلەيم بىلەن ئەبۇ تەلھەنىڭ تويى بولدى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەنەس ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى.
مۇسۇلمانلار دائىم مۇنداق دەيتتى: «بىز ھازىرغىچە ئۇممۇ سۇلەيمنىڭكىدىنمۇ قىممەتلىكرەك ۋە ياخشىراق مەھرىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، ئۇ ئىسلامنى ئۆزىنىڭ مېھرى قىلدى.»
ئۇممۇ سۇلەيم ئۆزىنىڭ بار كۈچىنى ۋە تالانتىنى ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىغان يېڭى ئېرىدىن ناھايىتى خۇشاللىق ھېس قىلدى. ئەبۇ تەلھە ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان 73 ئادەمنىڭ بىرسى ئىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئايالى ئۇممۇ سۇلەيممۇ بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللاردىن نۇسەيبە بىنت كەئب ۋە ئەسما بىنت ئەمىر قاتارلىقلارمۇ ئەقەبەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئىدى.
ئەبۇ تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاجايىپ ئىخلاس قىلدى. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئادەتتىكىچە قاراپ قويسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شېرىن نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىسا تولىمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتى. ئۇ بارلىق چوڭ غازاتلاردىن قېلىپ قالمىغان ئىدى. مال ـ دۇنياغا ئۆزىنى ئۇرمىغان، دۇنيا شەھۋەتلىرىگە ۋە راھەت ـ پاراغەتكە بېرىلمىگەن ھالەتتە، ئاددىي تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇ كۆپ روزا تۇتاتتى. ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ مەدىنىدە خورما ۋە ئۈزۈملەر بار، ئوتتۇرىسىدا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان كاتتا بىر مېۋىلىك بېغى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ بېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا، رەڭدار پەيلىك بىر قۇش ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۇچۇپ كەتتى، ئۇنىڭ دىققىتى بۆلۈنۈپ كېتىپ، قانچە رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئەسلىيەلمەي قالدى، ئىككى؟ ئۈچ؟…، ئۇ نامازنى ئاياغلاشتۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلدى. ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق دېدى:
- يا رەسۇلۇللاھ! ۋەدە بېرىمەنكى، بۇ باغنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا سەدىقە قىلىۋېتىمەن.
ئەبۇ تەلھە ۋە ئۇممۇ سۇلەيم باشقىلارغا ئۈلگە بۇلارلىق بىر ھەقىقىي ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇپ، بارلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلام ئىشلىرىغا بېغىشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇراتتى. بەزىدە ناماز ۋاقتى كېلىپ قالسا، ئۇممۇ سۇلەيم بەرگەن بىر پالازنىڭ ئۈستىدە ناماز ئوقۇيتتى. بەزى چۈش ۋاقىتلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە يېتىپ ئارام ئالاتتى. ئۇ ئۇخلىغان چاغدا، ئۇممۇ سۇلەيم ئۇنىڭ پىشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتەتتى. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشلۈك ئۇيقىسىدىن ئويغىنىپ، ئۇنىڭدىن:
- ئى ئۇممۇ سۇلەيم! نېمە قىلىۋاتىسەن؟ - دەپ سورىدى.
-مەن تەر تامچىلىرىنى سىزدىن چىققان بەرىكەت ھېسابلاپ، سۈرىتىۋاتىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
يەنە بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇممۇ سۇلەيم ئۇنىڭغا خورما ۋە سېرىق ماي بىلەن داستىخان سالدى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئېغىز تەگمىدى، ئۇ روزا تۇتۇۋالغان ئىدى. ئۇ پات ـ پات ئوغلى ئەنەستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاغارلاپ خورما ئەۋەتىپ تۇراتتى. باشقىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممۇ سۇلەيمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئالاھىدە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا، ئۇ:
- ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ قېرىندىشى مېنىڭ يېنىمدا ئۆلتۈرۈلگەن، - دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.
ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئۇممۇ ھەرام دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھەمشىرىسى بار بولۇپ، ئۇ مەشھۇر ساھابە ئۇبادە ئىبنى سامىتنىڭ ئايالى ئىدى. ئۇممۇ ھەرام بىر دېڭىز ئۇرۇشىدا دېڭىزدا ئۆلۈپ كېتىپ، سېپرۇسقا دەپنە قىلىنغان ئىدى. ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ يولدىشى ئەبۇ تەلھەمۇ ئۈچىنچى خەلىفە ئوسماننىڭ دەۋرىدە بىر دېڭىز ئۇرۇشىدا شېھىت بولۇپ، دېڭىزغا دەپنە قىلىندى.
ئۇممۇ سۇلەيممۇ ئۇرۇشلاردىكى غەيرىتى ۋە قەھرىمانلىقلىرى بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئوھۇد غازىتى جەريانىدا، ئۇ كۆڭلىكىنىڭ قېتىغا بىر خەنجەرنى ئېسىپ يۈرۈپ، يارىدارلارغا سۇ بەردى، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھۇجۇملار بەك كۈچىيىپ كەتكەن چاغدا، بار كۈچى بىلەن ئۇنى قوغدىدى. خەندەك غازىتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىر خەنجەر كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورىدى، ئۇ:
-
بۇنى غازاتتىن قاچقانلارغا قارشى تەييارلاپ قويدۇم، - دېدى.
-
ئاللاھ شۇ ئارقىلىق سەندىن رازى بولسۇن! - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
بەختسىزلىك ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن كۈنلەردە، ئۇممۇ سۇلەيم ئاجايىپ ئېغىر بېسىق ۋە چىدامچانلىقىنى نامايان قىلدى. يولدىشى مېۋىلىك باغقا قاراش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى ئۆمەير كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ بالىسىنى يۇيۇپ، كېپەنلىدى، ئۆيىدىكى باشقىلارغا بۇ ئىشنى ئەبۇ تەلھەگە خەۋەر قىلماسلىقنى، بۇ ئىشنى ئۆزى ئېيتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئابدۇللاھ ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ ئابدۇللاھنى تۇغۇپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇۋاقنى ئەنەسكە قوشۇپ، بىر تاغار خورما بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇۋاقنى يوتىسىغا ئولتۇرغۇزدى، خورمىنى يۇمشاق چايناپ، ئاندىن بۇۋاقنىڭ ئېغىزىغا سېلىپ قويدى. بوۋاق خورمىنى لەززەتلىنىپ شوراشقا باشلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
- ئەنسارىلار پەقەت خورمىنى ياخشى كۆرىدۇ، - دېدى. ئابدۇللاھ چوڭ بولدى، كېيىن ئۇنىڭ يەتتە بالىسىنىڭ ھەممىسىلا قۇرئاننى يادلىغان ئىدى.
ئۇممۇ سۇلەيم بىر ئۈلگىلىك مۇسۇلمان، ئۈلگىلىك ئايال ۋە ئۈلگىلىك ئانا ئىدى. ئۇنىڭ ئاللاھقا ئاجايىپ كۈچلۈك ۋە تەۋرەنمەس ئىمانى بار ئىدى. ئۇ ئېشىپ ـ تېشىپ تۇرغان مال ـ دۇنيانىڭ ۋە راھەت ـ پاراغەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىمانىغا ۋە بالىلىرىنى تەربىيىلىشىگە توسالغۇ بولۇشقا يول قويمىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ناھايىتى ئىخلاس قىلغان بولۇپ، ئوغلى ئەنەسنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئاتىدى. ئۇ بالىلىرىنى ئوبدان تەربىيىلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياشايدىغان ھەقىقىي بىر ئىسلامى جەمئىيەت قۇرۇشتا، باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن ئېغىرچىلىق ۋە خۇشاللىقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ھاياتتا چوڭ رول ئوينىدى.
نوئمان ئىبنى ئەمرى
بۆلۈم: “نوئمان ئىبنى ئەمرى”نوئمان بەدىر، ئوھۇد، خەندەك ۋە باشقا چوڭ ئۇرۇشلارغا قاتناشقان، ئاللاھ يولىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان ئادەم بولسىمۇ، يەنە ئۇ دائىم غەم ئەندىشىدىن خالىي، خۇشال ـ خۇرام يۈرىدىغان، ھەزىل سۆزلەرگە ئۇستا، باشقىلارغا چاقچاق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزىقچى ئادەم ئىدى.
ئۇ مەدىنىدىكى بەنۇ نەججار جەمەتىگە مەنسۇپ بولۇپ، مەدىنىدىكى ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن ئىدى ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق ئەقەبە بەيئىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئىدى. ئۇ باشتا ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ سىڭلىسىغا، كېيىن ئوقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئىيتنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇمغا ئۆيلىنىش ئارقىلىق، قۇرەيشلەر بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئۇممۇ كۇلسۇمنىڭ كۆيۈمسىزلىكى ۋە بىشەملىكى سەۋەبىدىن، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ئۇنى قويۇۋەتكەن ئىدى.
ئويلىمىغان يەردىن نوئمان بىر مەزگىل ھاراققا خومار بولۇپ قالدى. بىر قېتىم ئۇ ھاراق ئىچىپ تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى دەررە بىلەن ئۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئۇ يەنىلا بۇ ئادىتىنى تاشلىمىغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كەش بىلەن ئۇرۇشقا بۇيرۇدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنى ھاراق ئىچىشتىن توسۇپ قالالمىغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرى:
- ئەگەر ئۇ يەنە ھاراق ئىچسە، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! - دېدى.
بۇ چىقىرىلغان ھۆكۈم ناھايىتى قاتتىق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆمەير بۇنى ئاڭلاپ، ئەگەر نوئمان يەنە ھاراق ئىچىدىغان بولسا ئىسلامدىن چىقىپ ئۆلۈمگە لايىق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، غەزىپىنى باسالماستىن:
-
ئاللاھ ئۇنىڭغا لەنەت قىلسۇن! - دەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەيرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا:
-
ياق، ياق! ھەرگىز ئۇنداق دېمە! ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيىدۇ، بىرەيلەن چوڭ گۇناھ (نوئماننىڭكىگە ئوخشاش) ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىسلام جامائەسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتى مۆمىنلەرگە يېقىندۇر، - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەرچە مۇشۇنداق قەتئىي ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن نوئماننىڭ بەدر غازىتىدا كۆرسەتكەن ئاجايىپ قەھرىمانلىقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى تونۇپ تەۋبە قىلىشىنى، ئاللاھتىن مەغفىرەت تەلەپ قىلىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلدى. نوئمان گۇناھىنى تونۇپ تەۋبە قىلدى. شۇ ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ قايتىدىن ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بارلىق ساھابىلەرمۇ نوئماننىڭ قىزىقارلىق چاقچاقلىرىدىن ۋە جاراڭلىق كۈلكىلىرىدىن ھۇزۇر ئالدى.
بىر قېتىم نوئمان بازارغا باردى، ئۇ ناھايىتى مەززىلىك بىر يېمەكلىكنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سوۋغا قىلىش مەقسىتىدە ئازراق بۇيرۇتۇپ، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ ئۇنىڭدىن يېدى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە يېگۈزدى. يېمەكلىك ساتقۇچى نوئماننىڭ قېشىغا پۇلىنى سوراپ كېلىۋىدى، نوئمان ئۇنىڭغا:
-
رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا بارغىن، تاماقنى رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېدى، - دېدى. يېمەكلىك ساتقۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بارغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نوئماندىن:
-
ئۇنى سەن ماڭا بەرمىگەنمىدىڭ؟ - دەپ سورىدى.
-
شۇنداق، مەن سېنى بۇ تاماقنى ياقتۇرىدۇ دەپ ئويلاپ، سېنىڭ تېتىپ بېقىشىڭ ئۈچۈن ساڭا سوۋغا قىلغان ئىدىم، ئەمما مەندە يېمەكلىك ساتقۇچىغا بەرگۈچىلىك پۇلۇم يوق. شۇڭلاشقا پۇلنى تۆلىۋەتكىن، يا رەسۇلۇللاھ!
-
دېدى نوئمان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا ساھابىلەر كۈلۈشۈپ كەتتى. ئېنىقكى، بۇ كۈلكە ئۇنىڭ ئۆزىگە سوۋغا قىلغان نەرسىگە پۇل تۆلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى. نوئمان بۇ ئىشتىن ئىككى خىل پايدا ئالغانلىقىنى ھېس قىلدى. بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئۇ سوۋغا قىلغان يېمەكلىكتىن يەپ لەززەتلەندى، يەنە بىرى ئۇ مۇسۇلمانلارنى بىر قېتىم كۈلدۈرىۋالدى.
يەنە بىر قېتىم ئەبۇ بەكرى ۋە بىر قىسىم ساھابىلەر بۇسراغا سودا قىلغىلى ماڭدى. سەپەر جەريانىدا ھەممەيلەنگە ئايرىم ـ ئايرىم ۋەزىپىلەر بەلگىلەندى. سۇۋەيبىت ئىبنى ھەرمەلە تاماققا ۋە تەمىناتقا مەسئۇل قىلىندى. نوئمانمۇ سودا كارۋىنىدا بار ئىدى. ئۇ يول ئۈستىدە قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، سۇۋەيبىتتىن ئازراق تاماق سورىدى. سۇۋەيبىت بەرمىگەن ئىدى، نوئمان ئۇنىڭغا:
-
مېنىڭ سېنى قانداق قىلىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟ - دەپ تەھدىت سېلىشقا باشلىدى، ئەمما سۇۋەيبىت يەنىلا ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن نوئمان بازارغا بېرىپ بىر توپ ئەرەبلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارغا:
-
مەن سىلەرگە كۈچلۈك ۋە قاۋۇل بىر قۇلنى سېتىپ بەرسەم قانداق دەيسىلەر؟ - دېدى. ئۇلار ماقۇل بولدى، نوئمان ئۇلارغا:
-
ئۇنىڭ تىلى ئىتتىك، گەپكە ئۇستا، ئۇ قارشىلىق بىلدۈرۈپ، «مەن قۇل ئەمەس!» دېيىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماڭلار، - دەپ تاپىلىدى. ئۇنى سېتىۋالغان ئادەم نوئمانغا قۇلنىڭ پۇلى ئۈچۈن 10 قالائىس (ئالتۇننىڭ بىرلىكى) بەردى. نوئمان بۇ ئىشنى ھەقىقەتەن سودىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. قۇلنى سېتىېۋالغۇچىلار ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان قۇلىنى ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. نوئمان سۇۋەيبىتنى كۆرسىتىپ:
-
مانا بۇ مەن سىلەرگە ساتقان قۇل، - دېدى. بۇ ئادەم سۇۋەيبىتنى تارتىپ ئېلىپ ماڭغان ئىدى، ئۇ ۋارقىراپ كەتتى:
-
مەن قۇل ئەمەس، مەن قۇل ئەمەس، مەن سۇۋەيبىت ئىبنى ھەرمەلە.
ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماي، ئۆزلىرىنىڭ قۇللارغا قىلىدىغان مۇئامىلىسى بويىچە، ئۇنى كانىيىدىن تۇتۇپ ئېلىپ ماڭدى. شۇ چاغقىچە نوئمان ئازراقمۇ كۈلۈپ سالمىدى. سۇۋەيبىت قاتتىق قارشىلىق قىلىۋاتقان چاغدا، ئۇ يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ـ بېسىق، ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇراتتى. سۇۋەيبىتنىڭ كارۋاندىكى ھەمراھلىرى نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشىنىپ، دەرھال كارۋان بېشى بولغان ئەبۇ بەكرىگە ئەھۋالنى ئېيتىشتى. ئۇ دەرھال يېتىپ كېلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى سېتىۋالغۇچىلارغا چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇۋەيبىتنى بۇشىتىپ، پۇللىرىنى قايتۇرىۋېلىشتى. ئەبۇ بەكرى، سۇۋەيبىت، نوئمانلار ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك كۈلۈپ كېتىشتى. مەدىنىگە قايتقاندىن كېيىن بۇ ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا ساھابىلەرگە ئېيتىپ بېرىلگەن ئىدى، ئۇلار يەنە بىر قېتىم قانغىچە كۈلىۋالدى.
بىر قېتىم بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى ۋە تۆگىسىنى مەسجىدنىڭ ئىشىكىگە باغلاپ قويدى. ساھابىلەر ئۇ تۆگىنىڭ چوڭ ۋە سېمىزلىكىنى كۆرۈپ، مەززىلىك گۆشىدىن تېتىپ كۆرمەكچى بولۇشتى. شۇنىڭ بىلەن نوئمانغا قاراپ ئۇنىڭدىن:
-
بۇ تۆگىنى بىر تەرەپ قىلامسەن؟ - دەپ سورىدى. نوئمان ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ تۆگىنى بۇغۇزلىدى. ھېلىقى چارۋىچى ئەرەب چىقىپ كېلىپ، باشقىلارنىڭ گۆشنى كاۋاب قىلىپ، لەززەتلىنىپ يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندى ۋە ئېچىنىشلىق ئاۋاز بىلەن:
-
ۋاي مېنىڭ تۆگەم، ۋاي مېنىڭ تۆگەم، - دەپ توۋلىۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقىپ كەلدى.
ساھابىلەردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئوقۇپ، نوئماننى ئىزدەشكە باشلىدى، لېكىن ئۇنى تاپالمىدى. نوئمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىدىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئاياغ ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ، نەۋرە ئىنىسى زۇبەيرنىڭ قىزى دەنبەنىڭ بېغىغا كەلدى. ئۇ ساھابىلەردىن نوئماننىڭ نەدىلىكىنى سورىدى. ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئورەكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، نوئماننى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا:
- يا رەسۇلۇللاھ! بىز ئۇنى تاپالمىدۇق، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نوئماننى ئورەكنىڭ ئىچىدە يۈزى، بېشى ۋە ساقىلى بۇلغانغان ھالەتتە، خورمىنىڭ شاخلىرى ۋە يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن تاپتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى تۇرغۇزۇپ بېشىدىن تۇتۇپ، يۈزىدىكى پاسكىنىچىلىقلارنى سۈرتىۋەتكەچ كۈلۈپ تاشلىدى، ساھابىلەرمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىنىڭ پۇلىنى تۆلىدى، ئاندىن ھەممەيلەن ئولتۇرۇپ گۆشتىن يېيىشتى.
ئېنىقكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نوئماننىڭ چاقچاقلىرىنى ھەرگىزمۇ كۆڭلىگە ئالمىدى، بەلكى ئۇنىڭدىن خۇشاللاندى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنى كۈلدۈرۈپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى پەيدا قىلىش مەقسەت قىلىنغان، كىشىنى غەم ـ ئەندىشىدىن خالىي قىلىدىغان چاقچاقلار ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىسلام دىنى ھەرگىزمۇ كىشىلەردىن خۇشال ـ خۇراملىقنى يامان كۆرۈشنى، ئۇنىڭغا سەل قاراشنى، داۋاملىق غەمكىن ھالەتتە ياشاشنى تەلەپ قىلمايتتى. مۇۋاپىق قىلىنغان چاقچاقنى قوبۇل قىلاتتى.
نوئمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، يەنىلا مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ كۈلكىسىنى ئاياغلاشتۇردىمۇ؟ ئوسماننىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە، بىر توپ ساھابىلەر مەسجىدتە ئولتۇراتتى، ئۇلار مەسجىدتە 105 ياشلارغا كىرىپ قالغان، قېرىلىقتىن تولىمۇ ئاجىزلىشىپ كەتكەن مەكرەمە ئىبنى نەۋفەلنى كۆرۈشتى. مەكرەمە نوئماننىڭ ئايالى، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ سىڭلىسىغا تۇغقان كېلەتتى. ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەيتتى. ئاجىز بولغاچقا مەسجىدنىڭ ئىچىدىمۇ تەس ھەرىكەت قىلاتتى. ئۇ سىيىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، ئېھتىمال ئۇ مەسجىدنىڭ ئىچىگە سىيىپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن ساھابىلەر ئۇنىڭغا توۋلاپ ئۇنداق قىلغۇزمىدى. نوئمان باشقىلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنى باشقا يەرگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى. نوئمان ئۇنى ئاپىرىپ قويغان يەر قەيەر؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ مەكرەمەنى ئۇ دەسلەپتە ئولتۇرغان جايغا يېقىنراق بىر يەرگە ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى، ئەمما يەنىلا مەسجىدنىڭ ئىچى ئىدى. مەسجىدتىكىلەر مەكرەمەگە ئاچچىقلىنىپ توۋلاپ، ئۇنى يەنە قوپقۇزىۋەتتى. بۇ بىچارە ياشانغان ئادەم غەزەپلىنىپ:
-
مېنى ئەخمەق قىلغان كىم؟ - دەپ سورىدى.
-
نوئمان ئىبنى ئەمرى، - دېيىشتى باشقىلار. بۇ ياشانغان ئادەم ئەگەر نوئماننى تۇتىۋالسا، ھاسىسى بىلەن نوئماننىڭ بېشىغا ئۇرىدىغانلىقى توغرىلىق قەسەم قىلدى. نوئمان ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
بىر كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ چاقچاقلىرىنى يەنە قىلماقچى بولدى. ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ مەسجىدتە ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئوسمان ناماز ئوقۇۋاتقاندا ھەرگىزمۇ دىققىتى چېچىلمايتتى. نوئمان مەسجىدتە مەكرەمەنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ:
- نوئماننى تۇتىۋېلىشنى خالامسەن؟ - دېدى.
بۇ ياشانغان ئادەم نوئماننىڭ قىلىقلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ بەرگەن قەسىمىنى ئېسىگە ئېلىپ:
- خالايمەن، ئۇ قېنى؟ - دەپ توۋلىدى.
نوئمان ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ، ئۇنى خەلىفە ئوسمان ناماز ئوقۇۋاتقان يەرگە باشلاپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا:
-
ئۇ مانا! - دېدى. بۇ ياشانغان ئادەم ھاسىسىنى كۆتۈرۈپ، ئوسماننىڭ بېشىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى. ئوسماننىڭ بېشىدىن قان ئېقىشقا باشلىدى. باشقىلار مەكرەمەگە:
-
مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنى ئۇرامسەن؟ - دەپ ۋارقىرىدى. ئۇلار مەكرەمەنى تارتىپ ئېلىپ كېتىشتى. بىر قىسىم كىشىلەر نوئماننى تېپىپ كېلىشكە ماڭماقچى بولۇۋىدى، ئوسمان ئۇلارنى توختىتىپ نوئماننى ئەيىبلىمەسلىكنى ئېيتتى. گەرچە ئۇ تاياقنىڭ زەربىسىدىن ئازابلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نوئماننىڭ قىلغانلىرىدىن قاتتىق كۈلۈپ كەتتى.
نوئمان مۇئاۋىيەنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىگىچە ياشىدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پىتنە ئۇنى يەتكۈچە ئازابلىدى، بۆلۈنۈش ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى، خۇشاللىقى نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى، شۇ ھالەتتە ئىككىنچى قېتىم كۈلمەي، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى.
سەلىم مەۋلا ئەبۇ ھۇزەيفە
بۆلۈم: “سەلىم مەۋلا ئەبۇ ھۇزەيفە”رەسۇلۇللاھ بىر قېتىم ساھابىلىرىغا تەلىم بېرىپ:
- قۇرئان كەرىمنى تۆت ئادەمدىن ئۆگىنىڭلار: سەلىم مەۋلا ئەبۇ ھۇزەيفە، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد، ئۇبەي ئىبنى كەئب ۋە مۇئاز ئىبنى جەبەل، - دېگەن ئىدى. بىز كېيىنكى ئۈچ ساھابە توغرۇلۇق ئىلگىرى توختالغان ئىدۇق، ئەمما رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قۇرئان ئۆگىنىشتىكى يۈكسەك قابىلىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشەنچ باغلىغان يەنە بىر ئادەم كىم؟ ئۇ - سەلىم مەۋلا ئەبۇ ھۇزەيفە.
سەلىم بىر قۇل بولۇپ، ئۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلگىرى قۇرەيشنىڭ كاتتىلىرىدىن بولغان بىر مۇسۇلمان ئۇنى بېقىۋالدى. بېقىۋېلىش ئادىتى (بېقىۋېلىنغان ئادەم بېقىۋالغان دادىسىنىڭ بالىسى دەپ قارىلىدۇ) چەكلەنگەن چاغدا، سەلىم ئۇنى بېقىۋالغان ئەبۇ ھۇزەيفە ئىبنى ئۇتبەنىڭ قېرىندىشى، ھەمراھى ۋە مەۋلا (يەنى ھامىيلىقىدىكى ئادەم) بولدى. ئىسلامنىڭ بەرىكىتىدىن سەلىم مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىدىكى گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئاللاھقا ئىسلام دىنىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سەۋەبىدىن يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.
سەلىم ۋە ئەبۇ ھۇزەيفە ئىككىلىسى ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن بولۇپ، ئەبۇ ھۇزەيفە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە ئازار- كۈلپەت كەلتۈرۈپ، دۈشمەنلىك قىلىشتا چەكتىن ئاشقان دادىسى ئۇتبە ئىبنى رەبىئەنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىمان ئېيتقان ئىدى. قۇرئاندىكى بېقىۋېلىش ئادىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئايەت نازىل بولغان چاغدا، باشقىلار زەيد بىلەن سەلىمنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلدى. زەيد ئىبنى مۇھەممەد دەپ تونۇلغان زەيد ئۆز دادىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ زەيد ئىبنى ھارىسە دەپ چاقىرىلدى. ئەمما سەلىم ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ئىلگىرىكىدەكلا ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ ھامىيلىقىدا بولدى ۋە سەلىم مەۋلا ئەبۇ ھۇزەيفە (ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ ھامىيلىقىدىكى سەلىم) دەپ ئاتالدى. بېقىۋېلىش ئادىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق، ئىسلام بىر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئۇيۇشىشىنى تەكىتلىدى، ئەمما ئىسلامى ئىتتىپاقلىقنىڭ ۋە قېرىنداشلىقنىڭ ئاساسى بولغان ئىمانى مۇناسىۋەتتىن ئۇلۇغراق ۋە كۈچلۈكرەك بولغان ئىككىنچى بىر مۇناسىۋەت مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. دەسلەپكى مۇسۇلمانلار بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنەتتى. ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن قالسا، ئىمانى قېرىنداشلىقتىن سۆيۈملۈكرەك نەرسە يوق ئىدى.
بىز مەدىنىدىكى ئەنسارىلارنىڭ مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ بارغان مۇھاجىرلارنى قانداق قارشى ئالغانلىقىنى ۋە قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۆيى ۋە مال- دۇنياسىدىن مۇھاجىرلارنى ئوخشاش بەھرىمەن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. قۇرەيش كاتتىلىرىدىن بولغان ئەبۇ ھۇزەيفە ۋە ئۇنىڭ ئەرزىمەس، ئاددىي قۇلى سەلىم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن بىز دەل ئىسلامى قېرىنداشلىقنىڭ ئېسىل نەمۇنىسىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇلار ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرلىرىغىچە بىر تۇغقاندىنمۇ يېقىنراق ھالەتتە ياشىدى، ۋاپات بولغاندىمۇ بىرسىنىڭ جەسىتى يەنە بىرسىنىڭ يېنىدا، روھى بىر- بىرىگە ھەمراھ بولغان ھالەتتە بىرلىكتە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى. ئەنە شۇ- ئىسلامنىڭ بىردىنبىر ئۇلۇغلۇقى ئىدى. ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيتتى، پەقەت قۇرئان كەرىمدە كۆرسىتىلگەن ئىمان ۋە تەقۋادارلىقلا ئەڭ مۇھىم ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۆزىنىڭ ھەدىسلىرى ئارقىلىق بۇنى قايتا- قايتا تەكىتلىدى.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە:
(ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر( دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
- ئەرەبلەرنىڭ ئەرەب بولمىغانلاردىن تەقۋادارلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق، - دېدى، ئۇ يەنە، - ئاق تەنلىك ئايالنىڭ بالىسىنىڭ، قارا تەنلىك ئايالنىڭ بالىسىدىن تەقۋادارلىقتىن باشقا ئارتۇقچىلىقى يوق، - دېدى.
يېڭى ۋە ھەققانى بولغان ئىسلام جەمئىيىتىدە، ئەبۇ ھۇزەيفە بىر قۇلنى ھامىيلىقىغا ئېلىش ئارقىلىق شەرەپكە ئېرىشتى. بۇ باراۋەر بولمىغان سىنىپى ئايرىمىچىلىق ۋە خاتا ئىجتىمائىي پەرقلەرنى تۈپتىن يوقىتىدىغان يېڭى ۋە توغرا يېتەكلەنگەن ئىسلامى جەمئىيەتتە، سەلىم ئۆزىنىڭ ئىمانى ۋە قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرىدىغان روھى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇردى. ئۇ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارنىڭ ئىمامى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قوللىرى بىلەن ياسالغان قۇبا مەسجىدىدە ئۇلارنى باشلاپ ناماز ئوقۇيتتى. ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئىگىلىگەن چوڭقۇر بىلىمى ۋە يۈكسەك قابىلىيىتى بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭدىن قۇرئان ئۆگىنىشكە چاقىردى. سەلىم ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
- مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە ساڭا ئوخشاش كىشىلەرنى ياراتقان ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتتىمەن، - دېگەن ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنى «سەلىم مىنەسسالىھىين (يەنى سالىھلارنىڭ بىرى سەلىم)» دەپ چاقىرىشاتتى. سەلىمنىڭ ھېكايىسى خۇددى بىلال قاتارلىق ئونلىغان قۇللار ۋە پېقىرلارنىڭ ھېكايىسىغا ئوخشاشلا بولۇپ، ئىسلام ئۇلارنى قۇللۇقتىن ۋە پەس ئورۇندىن يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەققانى ۋە يېتەكچى بولغان بىر جەمئىيەتتە ئىمام، رەھبەر ۋە ھەربىي قۇماندانلارغا ئايلاندۇردى.
سەلىمنىڭ مىجەز- خۇلقى پۈتۈنلەي ئىسلامى گۈزەل ئەخلاقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرسى ئۇنىڭ ئوچۇق سۆزلۈكلىكى ئىدى. ئۇ بىرەر خاتالىق يۈز بېرىپ قالسا، دادىللىق بىلەن ئۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ ھېسابلايتتى. مەككە فەتىھ بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن تۆۋەندىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ۋەقە بىزگە بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا- قىشلاق ۋە قەبىلىلەرگە ئۆزىنىڭ بەزى ساھابىلىرىنى ئەۋەتتى ھەمدە ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى قاتتىق تەكىتلىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا جاھىلىيەت ۋاقتىدىكى بىر كونا ھېسابنى قىلىش ئۈچۈن، ھازىر مۇسۇلمان بولۇپ ئىمان ئېيتقان بىر ئادەم بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتى. دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ئىچىدە سەلىم ۋە باشقىلارمۇ بار ئىدى. سەلىم خالىدنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى قاتتىق ئەيىبلىدى. جاھىلىيەت ۋاقتىدا ۋە ھازىر ئىسلامدا بۈيۈك رەھبەر ۋە ھەربىي قوماندان بولغان خالىد بىر ھازا جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتى، ئاندىن ئۇ قاتتىق غەيرەت قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولدى، ئەمما سەلىم ئورنىدىن تۇرۇپ، خالىدنىڭ كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇچۇق ئېيتتى. سەلىم خالىدقا پەس بىر قۇلنىڭ مەككىلىك كۈچلۈك بىر ئاقسۆڭەككە قىلغان مۇئامىلىسىدەك مۇئامىلە قىلمىدى. ئىسلام ئۇلارنى باراۋەر ئورۇنغا ئېرىشتۈرگەنىدى.
ئۇ خالىدنى باشلىق بولغاچقا خاتالىقلىرى تىلغا ئېلىنمىسىمۇ بولىدىغان ئادەم دەپ قاراپ قالمىدى، بەلكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا باشقىلار بىلەن ئوخشاش دەپ مۇئامىلە قىلدى. ئۇ بۇنى خالىدقا بولغان ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىن قىلغان بولماستىن، بەلكى ئىسلام ئۆگەتكەن سەمىمىي نەسىھەت ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ھېسسىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە قىلغان ئىدى. بىر- بىرىگە بولغان بۇنداق سەمىمىيەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتا- قايتا تەكىتلەپ:
- دىن- نەسىھەتتۇر، دىن- نەسىھەتتۇر، دىن- نەسىھەتتۇر، - دېگەن ئىدى. خالىدنىڭ قىلغان ئىشى رەسۇلۇللاھقا ئاڭلانغان چاغدا، ئۇ چوڭقۇر ھەسرەتلىنىپ، پەرۋەردىگارىغا چىن كۆڭلىدىن يالۋۇرۇپ، ئۇزۇن دۇئا قىلدى:
-ئى رەببىم، خالىدنىڭ قىلغان ئىشىدا مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ نەزىرىڭدە پاكمەن، - ئاندىن ئۇ سورىدى، -بىرەرىڭلار ئۇنى ئەيىبلىمىدىڭلارمۇ؟
- سەلىم ئۇنى ئەيىبلىدى ۋە قارشى تۇردى، - دېگەن جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزىپى بېسىقتى.
سەلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۆمىنلەرگە يېقىن ھالەتتە ياشىدى. ئۇ ئىبادەتكە قىلچىمۇ سۇسلۇق قىلمايتتى ۋە ھېچبىر غازاتتىن قىپقالمىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بارغانسېرى كۈچىيىپ باردى.
ئاللاھنىڭ بۈيۈك پەيغەمبىرى (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەبۇ بەكرى خەلىپە بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي كەززاب مۇسەيلىمەنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان سۇيىقەستىگە دۇچ كەلدى ۋە يەمامەدە قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا يۈرۈش قىلغان قوشۇن ئىچىدە، سەلىم ۋە ئۇنىڭ «قېرىندىشى» ئەبۇ ھۇزەيفەمۇ بار ئىدى. ئۇرۇش دەسلەپ باشلانغان چاغدا، مۇسۇلمانلار ھەممىسى ئۆز ئالدىغا يەككە ئۇرۇش قىلغاچقا، كۈچ بۆلۈنۈپ كېتىپ مۇسۇلمانلار ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئەمما خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇسۇلمانلارنى يېڭىۋاشتىن تەشكىللەپ، قوشۇننى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ماسلاشتۇردى. ئەبۇ ھۇزەيفە ۋە سەلىم بىر- بىرىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، سۇنماس ھەقىقەت بولغان ئىسلام يولىدا شېھىت بولۇشقا، شۇ ئارقىلىق ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىشكە قەسەم بېرىشتى. ئەبۇ ھۇزەيفە مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ:
-
ئى ئەھلى قۇرئان! ئۆزۈڭلارنىڭ ئەمەلى بىلەن قۇرئان كەرىمنى زىننەتلەڭلار، - دەپ توۋلىدى- دە، مۇسەيلەمەنىڭ قوشۇنى ئىچىگە قۇيۇندەك كىرىپ كەتتى. ئاندىن سەلىم:
-
ئەگەر مۇسۇلمانلار مەن تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، مەن قۇرئان يادلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنى بولۇپ قالمامدىمەن!؟ ئى سەلىم، ئۇنداق بولۇشتىن ساقلان، قۇرئانغا لايىق ئادەم بول! - دەپ توۋلىدى- دە، ئۇرۇش قاينىمىغا بۆسۈپ كىرىپ كەتتى. مۇھاجىرلارنىڭ بايراقچىسى زەيد ئىبنى خەتتاب يېقىلدى. سەلىم دەرھال بايراقنى كۆتۈرۈپ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ ئوڭ قۇلى ئۈزۈپ تاشلاندى، ئاندىن ئۇ بايراقنى سول قولى بىلەن كۆتۈرۈپ، شەرەپلىك قۇرئان كەرىمنىڭ تۆۋەندىكى ئايەتلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلىدى:
-
(نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ(. (سۈرە ئال ئىمران 146- ئايەت)
ئۇرۇش مەيدانىغا نىسبەتەن بۇ نېمە دېگەن تەسىرلىك ئايەت! ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئىسلام ئۈچۈن تەقدىم قىلغانلارغا بۇ نېمە دېگەن ياخشى بېغىشلىما!
دۈشمەنلەرنىڭ بىر ھۇجۇمى سەلىمنى ھالسىرىتىپ قويدى، سەلىم يېقىلدى. ئۇرۇش ئاخىرى مۇسەيلەمەنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ چاغدا سەلىمنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى قالغان ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ يارىدارلىرىنى ۋە شېھىتلىرىنى ئىزدەۋاتقاندا سەلىمنى تېپىشتى. سەلىم ناھايىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، باشقىلاردىن:
-
ئەبۇ ھۇزەيفە قېنى؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار:
-
ئۇ شېھىت بولدى، - دەپ جاۋاب بېرىشتى.
-
ئۇنداق بولسا مېنى ئۇنىڭ يېنىدا ياتقۇزۇپ قويۇڭلار، - دېدى سەلىم.
-
ئۇ سىنىڭ يېنىڭدا، سەلىم، ئۇ مۇشۇ يەردە شېھىت بولدى.
سەلىم سۇس كۈلۈمسىرىدى، ئاندىن ھېچنەرسە دېمىدى. ھەر ئىككىيلەن ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. ئۇلار بىللە ئىسلام دىنىغا كىردى، بىللە ياشىدى، بىللە شېھىت بولدى.
سەلىم، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك ئۈلگىسى-پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىغا كەتتى. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب سەلىم شېھىت بولغاندا، مۇنداق دېگەن ئىدى:
- ئەگەر سەلىم ھايات بولغان بولسا، مەن ئۇنى ئورۇنباسارلىققا تەيىنلىگەن بولاتتىم.
سۇھەيل ئىبنى ئەمىر
بۆلۈم: “سۇھەيل ئىبنى ئەمىر”بەدىر غازىتىدا، سۇھەيل مۇسۇلمانلارغا ئەسىر چۈشكەندە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
-
يا رەسۇلۇللاھ! مەن سۇھەيل ئىبنى ئەمىرنىڭ ئىككى ئوتتۇرا چىشىنى چىشىنى يۇلىۋىتەي، ئۇ بۇندىن كېيىن سېنىڭ زىيىنىڭغا سۆز قىلمايدىغان بولسۇن، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-
ئى ئۆمەر! ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەن ھېچكىمنى ناكا قىلمايمەن، بولمىسا مەن پەيغەمبەر بولساممۇ ئاللاھ مېنى ناكا قىلىدۇ، - دېدى ۋە ئۆمەرنى يېنىغا چاقىرىپ، - ئى ئۆمەر! بەلكىم سۇھەيل كەلگۈسىدە سېنى خۇشال قىلىدىغان ئىش قىلىشى مۇمكىن، - دېدى.
سۇھەيل ئىبنى ئەمىر قۇرەيشنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئادەم ئىدى. ئۇ ئەقىللىق ۋە گەپ - سۆزگە ئۇستا بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا گېپى ئۆتەتتى. ئۇ قۇرەيشنىڭ باياناتچىسى ۋە ناتىقى ئىدى ھەمدە مەشھۇر ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ھىجرىيىنىڭ 6- يىلىنىڭ ئاخىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە 1500دەك ساھابىلەر مەدىنىدىن مەككىگە ئۆمرە قىلىشقا ماڭدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇرۇش ئۈچۈن قوراللانماي، پەقەت يولۇچىلار ئىشلىتىدىغان خەنجەرلىرىنىلا ئېلىۋېلىشقان ئىدى. ئۇلار يەنە ھەقىقەتەن ھەج قىلىشقا ماڭغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارنىمۇ ئېلىۋېلىشقان ئىدى.
قۇرەيش ئۇلارنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ، دەرھال ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلاندى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ھەرگىزمۇ مەككىگە كىرگۈزمەسلىككە قەسەم قىلىشتى. خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى ئۈزىۋېتىش ئۈچۈن، ئاتلىق قوشۇنغا باش قىلىنىپ ئەۋەتىلدى. خالىدنىڭ قوشۇنى مۇسۇلمانلارنى كارائىل غەمىم دېگەن يەردە كۈتۈپ تۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خالىدنىڭ ئىشلىرىنى ئالدىنئالا بىلگەن ئىدى. گەرچە قۇرەيش مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھازىر قۇرەيش ئارمىيىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشنى ياقتۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەردىن:
-
ئاراڭلاردىن كىم بىزنى قۇرەيشكە ئۇچراشتۇرماي، باشقا يول بىلەن مەككىگە ئېلىپ بارىدۇ؟ - دەپ سورىدى. ئەسلەم قەبىلىسىدىن بىر ئادەم:
-
مەن ئېلىپ بارىمەن، - دەپ، مۇسۇلمانلارنى ئەگرى- تۇقاي يوللار بىلەن باشلاپ مېڭىپ، ئاخىرى مەككىگە جەنۇب تەرەپتىن يېقىنلاشتى. خالىد ئەھۋالنى چۈشىنىپ دەرھال ئۇلارنى توسۇش ئۈچۈن مەككىگە قايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇدەيبىيەگە يېقىن بىر جايغا جايلىشىپ، ئەگەر قۇرەيش مۇشۇ مۇقەددەس چاغنى ۋە مۇقەددەس ئورۇننى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن قانداق شەرت قويسا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قۇرەيش بەدىل ئىبنى ۋەرەقە باشچىلىقىدا خۇزائە قەبىلىسىدىن بىر توپ ئادەمنى مۇسۇلمانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. بەدىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاندىن قۇرەيشنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان خۇزائە قەبىلىسىدىن بولغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى:
-
مۇھەممەد ئۆمرە قىلىشنى نىقاب قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە باشلاپ كىلەمدىكەن؟ ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇرۇش ھالىتى مەۋجۇد تۇرسا، ئەگەر ئەرەبلەر بۇنى ئاڭلىسا مۇھەممەد زورلۇق بىلەن مەككىگە كىرىپتۇ دېمەمدۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ مەككىگە كىرىشىگە ھەرگىز قۇشۇلمايمىز، - دېيىشتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرەيشنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئەھابىش قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ھەلىس ئىبنى ئەلقەمەنى ئەۋەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ھەلىسنى كۆرۈپ ساھابىلارغا:
-
بۇئادەم مال قۇربانلىق قىلىشنى ناھايىتى چوڭ بىلىدىغان بىر قەبىلىدىن، ھەقىقەتەن ھەج قىلغىلى كەلگەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش ئۇچۇن قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويۇڭلار، - دېدى، ئۇلار شۇنداق قىلىشتى. ھەلىس كېلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ «لەببەيك ئاللاھۇممە لەببەيك،…» دەپ توۋلاپ تەلبىيە ئېيتىۋاتقان ھالىتىنى كۆردى. ئۇ قايتىپ بېرىپ قۇرەيشكە:
-
ئاللاھ پاكتۇر، بىز ئۇلارنى مەككىگە كىرىشتىن توسساق بولمىغۇدەك، لەخەم، جوزام، ھىميەر قەبىلىلىرى بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلىۋاتقان يەردە، مۇتەللىپنىڭ ئوغلىنى ئاللاھنىڭ ئۆيىدىن (بەيتۇللادىن) تۇسامدۇق؟ كەئبىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ قۇرەيشنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن! ئۇلار جەزمەنكى ئۆمرە قىلغىلى كەپتۇ، - دېدى. قۇرەيش بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنى مەنسىتمىگەن ھالدا:
-
جىم ئولتۇر! سەن پەقەت كۆچمەن چارۋىچى بىر ئەرەب، سۇيىقەستنى ۋە ھىيلە - مىكىرنى بىلمەيدىغان سەھرالىقسەن، - دېيىشتى. ئاندىن ئۇلار تائىف خەلقىنىڭ باشلىقى ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇدنى ئەھۋالنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
-
ئى مۇھەممەد! سەن بۇ ساياق ئادەملەرنى يىغىپ، ئۆز قوۋمى- قېرىنداشلىرىڭنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن، تۇغۇلغان يېرىڭگە قايتىپ كەپسەن، قۇرەيش سېنىڭ زورلۇق بىلەن مەككىگە كىرىشىڭنى توسۇش ئۈچۈن ئاللاھ ئالدىدا قەسەم بېرىشتى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئادەملەر سېنى چوقۇم تاشلاپ كېتىدۇ، - دېدى. ئەبۇبەكرى بۇنى ئاڭلاپ، ئۇرۋەگە:
-
ۋاي زاۋال تاپقۇر! بىز ئۇنى تاشلاپ كېتەمدۇق؟ - دېدى. ئۇرۋە سۆزلەۋاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقىلىغا قول ئۇزارتقان ئىدى، مۇغىرە ئىبنى شۇئىبە:
-
قولۇڭنى تارت! -دەپ ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى. ئۇرۋە چېچىلغان ھالدا:
-
ئىسىت ساڭا! سەن نېمە دېگەن قوپال! - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ كەتتى.
-
بۇ ئادەم كىم، ئى مۇھەممەد؟ - سورىدى ئۇرۋە.
-
سېنىڭ بىر نەۋرە قېرىندىشىڭ مۇغىرە ئىبنى شۇئبە.
-
ھەي خائىن!
ئۇرۋە مۇغىرەگە غەزەپلىنىپ، ئۇنى ھاقارەتلەشكە باشلىدى، ئاندىن ئۇ ساھابىلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر بۇيرۇق چىقارسىلا دەرھال ئورۇندايدىغانلىقىنى، تاھارەت ئالسا، سۇنى تالىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئالدىدا سۆزلىسە ئاۋازىنى تۆۋەن قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنى ھۆرمەتلەپ كۆزىگە تىكىلىپ قارىمايدىغانلىقىنى كۆردى. قايتقاندىن كېيىن قۇرەيش خەلقىگە:
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى قۇرەيش خەلقى، مەن كىسرا (ئىران پادىشاسى)، قەيسەر (رۇم پادىشاسى)، نەجاشىلارنىڭ ھۇزۇرىدا بولدۇم. لېكىن مۇھەممەدنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ھۆرمىتىنى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدە كۆرمىدىم. مۇھەممەدنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيدۇ. ئويلاپ بېقىڭلار، ئۇ سىلەرگە توغرا بىر تەكلىپنى بېرىۋاتىدۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، مەن سىلەرگە سەمىمىيلىك بىلەن نەسىھەت قىلاي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىڭلارغا كۆزۈم يەتمەيدۇ، - دېدى. قۇرەيش:
-
مۇنداق گەپلەرنى قىلما، ئۇنى بۇ يىل قايتۇرىۋېتەيلى، كېيىن كەلسۇن، - دېيىشتى.
-
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمان ئىبنى ئەففاننى قۇرەيش كاتتىۋاشلىرىغا مەككىگە كېلىشتىكى مەقسىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇغقانلىرىنى يوقلىشىغا ئىجازەت سوراش ئۈچۈن ئەلچىلىككە ئەۋەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسماننى مەككىدە قالغان ئاجىز مۇسۇلمانلارغا غەلىبىنىڭ يېقىنلىقى ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ غالىبلىقى توغرىسىدا خۇشخەۋەر يەتكۈزۈشكە تەۋسىيە قىلدى. ئوسمان قۇرەيشكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى، ئەمما ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەككىگە كىرگۈزمەسلىك قارارىدا چىڭ تۇردى. ئۇلار ئوسماننىڭ كەئبىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ئوسمان:
-
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاۋاپ قىلىشتىن چەكلەنگەن تۇرۇقلۇق، مەن تاۋاپ قىلمايمەن، - دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار ئوسماننى سولاپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن: ئوسمان ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، دېگەن خەۋەر تارقالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ:
-
مۇشرىكلار بىلەن ئېلىشمىغىچە قايتمايمىز، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن بەيئەت قىلىشقا چاقىردى. جاكارچى چىقىپ:
-
ئى خالايىق! بەيئەت قىلىڭلار، بەيئەت قىلىڭلار، - دەپ توۋلىدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغان دەرخنىڭ ئاستىغا يىغىلىپ، ئۇرۇش قىلىش توغرىلىق بەيئەت قىلىشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھېلىقى تارقالغان گەپنىڭ يالغانلىقى مەلۇم بولدى. قۇرەيش خەلقى قورقۇپ، سۇھەيل ئىبنى ئەمىرنى رەسۇلۇللاھ بىلەن سۈلھىلىشىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەككىگە كىرمەي، مەدىنىگە قايتىپ كېتىشكە كۆندۈرۈشكە ئەۋەتتى. سۇھەيل ئېنىقكى ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى، قابىللىقى ۋە سۇلھى تۈزۈشتىكى چىچەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئىشقا تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇھەيلنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قۇرەيشنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى چۈشەندى ۋە:
-
ئۇلار سۈلھىلەشمەكچى بولۇپ، بۇ ئادەمنى ئەۋەتىپتۇ، - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە سۇھەيل ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئۇزۇن داۋاملىشىپ، ئاخىرى پرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. ئۆمەر ۋە باشقىلار كېلىشىمنىڭ بەزى ماددىلىرىنى ئىسلام ئىشلىرىغا زىيانلىق، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر مەغلۇبىيەت دەپ قاراپ ناھايىتى نارازى بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ:
-
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، مەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايمەن، ئاللاھ مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ، - دېدى، ئاندىن ئۇ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپنى چاقىرىپ، سۇلھنىڭ مەزمۇنلىرىنى يېزىشقا بۇيرۇدى:
-
«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دەپ يازغىن، - دېۋېدى، سۇھەيل گەپ قىستۇرۇپ:
-
مەن بۇ گەپنى ئۇقمايمەن، «بسمىكە ئاللاھۇممە» (ئى ئاللاھ، سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن باشلايمەن) دەپ يازغىن، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماقۇل بولۇپ ئەلىنى «بسمىكە ئاللاھۇممە» دەپ يېزىشقا بۇيرۇدى، ئاندىن:
-
«ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) سۇھەيل ئىبنى ئەمىر بىلەن شۇنداق دەپ سۈلھى قىلىدۇكى…» دەپ يازغىن، - دېدى، سۇھەيل رەت قىلىپ:
-
ئەگەر مەن سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنگەن بولسام، سەن بىلەن ئۇرۇشمىغان بولاتتىم، ئۆزۈڭنىڭ ئىسمىنى ۋە داداڭنىڭ ئىسمىنى يازغىن، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغىمۇ ماقۇل بولۇپ ئەلىنى:
-
«مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سۇھەيل ئىبنى ئەمىر بىلەن شۇنداق دەپ سۇلھى قىلىدۇكى…»، - دەپ يېزىشقا بۇيرۇدى.
ئۇلار كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە زىيانكەشلىك قىلماي بىخەتەر ياشىشى ئۈچۈن، 10 يىلغىچە ئۇرۇش قىلماسلىق، ئەگەر قۇرەيشتىن بىر كىم ئۆزىنىڭ ۋەلىسىنىڭ رۇخسىتىسىز مۇھەممەد تەرەپكە قېچىپ كەلسە، مۇھەممەد ئۇنى قۇرەيشكە قايتۇرۇپ بېرىش؛ مۇھەممەدنىڭ يېنىدىن بىر كىم قۇرەيشكە قېچىپ بارسا، قۇرەيش ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. سۇھەيل مەككىلىكلەرنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قالدى. ئۇ بۇ سۈلھىدە ئىمكانقەدەر قۇرەيشنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قالماقچى بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇ بۇلارنى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەڭ قورساقلىقى بىلەنلا قىلالىدى.
ھۇدەيبىيە سۇلھىسى تۈزۈلۈپ ئىككى يىلغىچە مۇسۇلمانلار قۇرەيشتىن خاتىرجەم بولۇپ، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدى. ئەمما ھىجرەتنىڭ 8- يىلى قۇرەيش سۈلھىنىڭ ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىتتىپاقدىشى خۇزائە قەبىلىسىگە قارشى بەنۇ بەكىر قەبىلىسىگە ياردەم بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە يۈرۈش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى قىساس ئېلىشلا ئەمەس ئىدى. 10 مىڭ مۇسۇلمان رامىزان ئېيىدا مەككىگە توپلاندى. قۇرەيش مۇسۇلمان ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرالمايدىغانلىغىغا كۆزى يەتتى. مۇسۇلمانلارنى قاتتىق ئازابلىغان ۋە زىيانكەشلىك قىلغان، ئۇلارغا ئازار بەرگەن، ئۇلارنى يەكلىگەن، ئۆيلىرىدىن، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقارغان، باشقىلارنى ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتقان، ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچقان قۇرەيشلەرنىڭ ھالى قانداق بۇلار؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەھەرنى قولغا ئالدى. ئۇ قۇرەيشنىڭ باشلىقلىرىغا ناھايىتى كەڭ قورساقلىق ۋە كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئۇ ناھايىتى ھېسداشلىققا تولغان سەمىمىي ئاۋازدا:
-
ئى قۇرەيش خەلقى! مېنى سىلەرنى قانداق قىلىدۇ دەپ ئويلاۋاتىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. شۇ چاغدا تېخى تۈنۈگۈنلا ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىدىن بولغان سۇھەيل جاۋاب بېرىپ:
-
سەن بىزنىڭ مەرد قېرىندىشىمىز ۋە مەرد قېرىندىشىمىزنىڭ ئوغلى. بىز سېنى بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ ئويلايمىز، - دېدى. ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ئاندىن ئۇلارغا:
-
بېرىڭلار، ھەممىڭلار ئازاد، - دەۋەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقىدەك ھېسداشلىقى، ئېسىل پەزىلىتى، ياخشىلىقلىرى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈپ، سۇھەيل قاتتىق تەسىرلەندى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلامىنى يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى ھەرگىزمۇ يېڭىلگەن بىر ئادەمنىڭ ئۆز تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى بىزگە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، گۈزەللىكى سەۋەبىدىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
مەككە فەتىھ قىلىنغان كۈنى مۇسۇلمان بولغانلارغا «تۇلاقە (ئازاد قىلىنغانلار)» دەپ نام بېرىلدى. ئۇلار ئىسلام ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي بەختكە ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە ۋە نۇرغۇن يىللاردىن بېرى قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ بۈيۈك دىننىڭ يولىدا قۇربان بېرىشكە ئاتىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرراقى سۇھەيل ئىبنى ئەمىر ئىدى. ئىسلام ئۇنى يېڭى بىر ئادەم قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى تالانتى ئەمدى ئوبدان جارى قىلدۇرۇلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق قابىلىيىتى ۋە تالانتىنى ھەقىقەت، ياخشىلىق ۋە ئىماننىڭ يوللىرىغا سەرپ قىلدى.
ئۇنى مەشھۇر قىلغان ئېسىل پەزىلەتلەرنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: مېھرىبانلىق، سېخىلىق، دائىملىق ئىبادەت، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلاش. ئەنە شۇلار سۇھەيلنىڭ بۈيۈكلىكى ئىدى. گەرچە ئۇ ئىسلامنى كېيىن قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر ئىخلاسمەن ئابىد (ئىبادەت قىلغۇچى) ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىكى بىر پىدائىي جەڭچى بولدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ۋاپات بولغان چاغدا، بۇ خەۋەر تېزلىك بىلەن مەككىگە يېتىپ كەلدى. سۇھەيل بۇ چاغدا مەككىدە ئولتۇراقلاشقان ئىدى. مەككىدىكى مۇسۇلمانلار مەدىنىدىكىلەرگە ئوخشاشلا قايمۇقۇش ۋە ئۈمىدسىزلىك ھېسسىياتىغا چۆمدى. مەدىنىدە ئەبۇ بەكرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) تۆۋەندىكى قەتئىي سۆزلىرى بىلەن بۇ قايمۇقۇشنى تۈگەتتى:
- كىمكى مۇھەممەدكە ئىبادەت قىلىدىكەن، مۇھەممەد ئۆلدى. كىمكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىكەن، ئاللاھ تىرىكتۇر، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆلمەيدۇ!
مەككىدىمۇ سۇھەيل بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولغان خاتا كۆز قاراشلارنى تۈگىتىشتە ئوخشاش رول ئويناپ، ئۇلارنى ئىسلامنىڭ مەڭگۈلۈك ھەقىقىتىگە يېتەكلىدى. ئۇ مۇسۇلمانلارنى يىغىپ ئۆزىنىڭ گۈزەل ۋە شېرىن سۆزلىرى ئارقىلىق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ، ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە سۈننىتىگە ئەگىشىپ مېڭىشى زۈرۈرلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى داۋالغۇشنى تۈگەتتى. شۇ كۈنى ئىلگىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزلىرى رېئاللىققا ئايلاندى. بەدىر غازىتىدا ئۆمەر سۇھەيلنىڭ چىشلىرىنى يۇلىۋېتىش ئۈچۈن ئىجاەت سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:
- ئۇلارنى قالدۇرۇپ قوي، كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇلار ساڭا خۇشاللىق بېغىشلىشى مۇمكىن، - دېگەن ئەمەسمىدى!؟
سۇھەيلنىڭ مەككىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سۆزلىگەن قايىل قىلارلىق نۇتۇقلىرى ۋە ئۇنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىنىڭ خەۋىرى مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلارغا يېتىپ كەلگەندە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى ئېسىگە ئالدى. ئىسلام دىنى سۇھەيلنىڭ ئۆمەر يۇلىۋەتمەكچى بولغان ئىككى چىشىدىن پايدىغا ئېرىشىدىغان كۈن يېتىپ كەلگەن ئىدى.
سۇھەيل مۇسۇلمان بولغان چاغدا، ئۇ ئۆزىگە تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن قەسەم قىلدى: ئۆزىنى ئىسلام ئۈچۈن بېغىشلاش، ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ، ئۇ بۇرۇن مۇشرىكلارنىڭ مەنپەئەتىگە سەرپ قىلغانچىلىك سەرپ قىلىش؛ ئۇ ئىلگىرى مۇشرىكلار بىلەن بىللە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتلارنى بۇتلارنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ئىدى، ھازىر ئۇ مۆمىنلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇن ۋاقىتلارنى بىر ئاللاھنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزدى؛ ئىلگىرى ئۇ مۇشرىكلار تەرەپتە تۇرۇپ، ئىسلامغا قارشى نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتناشقان ئىدى، ھازىر مۇسۇلمانلار ئارمىيىسىدە تۇرۇپ غەيرەت بىلەن جەڭ قىلدى. پېرسىيىگە ۋە تەڭسىزلىك، ئېكىسپلاتاتسىيىگە تولغان ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئۇرۇشتا ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى. مۇشۇ جەڭگىۋارلىقى بىلەن ئۇ مۇسۇلمانلار ئارمىيىسى بىلەن بىللە سۈرىيەگە ئاتلىنىپ، ۋىزانتىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان شىددەتلىك يەرمۇك ئۇرۇشىغا قاتناشتى.
سۇھەيل ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سۈرىيەدىكى غەلىبىسىدىن كېيىن، مەككىگە قايتىپ كېتىشنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
- مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئاللاھ يولىدا بىر قەدەم ئالغا مېڭىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئائىلىسىدىكى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئارتۇقتۇر.»
ئاندىن ئۇ قەسەم قىلدى:
- مەن تاكى ۋاپات بولغۇچە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغۇچى بولىمەن، ھەرگىز مەككىگە قايتمايمەن.
ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا ئۆزىنىڭ شۇ ۋەدىسىدە چىڭ تۇردى. پەلەستىندىكى قۇددۇسقا يېقىن ئەمەۋاس دېيىلىدىغان كىچىك كەنتتە ئالەمدىن ئۆتتى.
ئۇبەي ئىبنى كەئب (ئەبۇ مۇنزىر)
بۆلۈم: “ئۇبەي ئىبنى كەئب (ئەبۇ مۇنزىر)”-
ئى ئەبۇ مۇنزىر، ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى قايسى ئايەت ئەڭ ئۇلۇغ؟ - سورىدى رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن).
-
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ، - دېدى ئەبۇ مۇنزىر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سوئالىنى قايتا تەكرارلىۋىدى، ئاندىن ئۇ تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇدى، - (بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ (مۈلكى) دۇر؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچنەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسماننى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان- زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ، ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر(. (سۈرە بەقەرە 255- ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قولى بىلەن كۆكرىكىگە ئۇرۇپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى تەستىقلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەبۇ مۇنزىرغا:
- ئى ئەبۇ مۇنزىر، ئاللاھ سېنى ئىلىم بىلەن خۇشاللاندۇرسۇن ۋە مەنپەئەت بەرسۇن، - دەپ خەيرلىك دۇئا قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بىلىمى ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى چۈشىنىشتىكى ئىقتىدارى تەبرىكلىنىۋاتقان ئەبۇ مۇنزىر دېگەن بۇ ئادەم- ئۇنىڭ مەشھۇر ساھابىلىرىنىڭ بىرى، دەسلەپكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئۇبەي ئىبنى كەئب ئىدى. ئۇبەي خەزرەج قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولغان ئەنسارىلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەدىنىدىكى ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن ئىدى ھەمدە ھىجرەتتىن بۇرۇن ئەقەبەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئىدى.
ئۇ بەدىر غازىتىغا ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى باشقا پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. ئۇبەي قۇرئان ئايەتلىرىنى كۆچۈرۈپ يېزىشقا قاتناشقان بىر نەچچەيلەننىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قوليازمىسى بار ئىدى. ئۇبەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتىۋىدەكلا، ئۇنىڭ خەتلىرىنى يېزىپ بېرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، ئۇ قۇرئان كەرىمنى پۈتۈنلەي يادلىغان 25 ياكى شۇنچىلىك ئادەمنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ قىرائىتى تولىمۇ چىرايلىق، قۇرئاننى چۈشىنىشى ئاجايىپ مۇكەممەل بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ئۇنىڭدىن ۋە باشقا ئۈچ كىشىدىن قۇرئان ئۆگىنىشكە چاقىردى. كېيىن ئۆمەرمۇ مالىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ، باشقا مۇسۇلمانلارغا:
-
ئى خالايىق! ئاراڭلاردىن كىمكى قۇرئان توغرىلىق سورىماقچى بولسا، ئۇبەي ئىبنى كەئبنىڭ قېشىغا بارسۇن؛ كىمكى مىراسخورلۇققا ئائىت مەسىلىلەرنى سورىماقچى بولسا، زەيد ئىبنى سابىتنىڭ قېشىغا بارسۇن؛ كىمكى فىقھى مەسىلىلىرى توغرىلىق سورىماقچى بولسا، مۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ قېشىغا بارسۇن؛ كىمكى پۇل- مۇئامىلە ئىشلىرى توغرىلىق سورىماقچى بولسا، مېنىڭ قېشىمغا كەلسۇن، - دېگەن ئىدى. ئۇبەي قۇرئان ئارقىلىق كاتتا شەرەپكە ئېرىشتى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
-
ئى ئۇبەي ئىبنى كەئب! مەن ساڭا قۇرئاننى كۆرسىتىشكە ياكى ئېچىپ بېرىشكە بۇيرۇلدۇم.
ئۇبەي خۇشاللىقتىن قىن- قىنىغا پاتماي كەتتى.
بۆلۈم: “ئۇبەي خۇشاللىقتىن قىن- قىنىغا پاتماي كەتتى.”ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت ئاسماندىن ۋەھى ئالىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا:
-
يا رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئالدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
-
ھەئە، ئاللاھ ئەڭ ئېگىز ئاسماندا سېنىڭ ئىسمىڭنى ۋە نەسىبىڭنى تىلغا ئالدى، - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان بىر نەچچە يىللىق ئالاقە جەريانىدا، ئۇبەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ۋە ھېكمەتلىك كۆرسەتمىلىرىدىن نۇرغۇن مەنپەئەتكە ئېرىشتى. ئۇبەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قېتىم ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
-
مەن ساڭا تەۋراتتا، ئىنجىلدا، زەبۇردا ۋە قۇرئاندا نازىل بولمىغان بىر سۈرىنى ئۆگىتىپ قۇيايمۇ؟
-
ئەلۋەتتە بولىدۇ، - دېدى ئۇبەي.
-
مەن سېنىڭ ئۇ سۈرىنى بىلىشتىن بۇرۇن ئىشىكتىن چىقىپ كەتمەسلىكىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇبەينىڭ تەشنالىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە. ئۇبەي مۇنداق دەيدۇ:
ئۇ ئورنىدىن تۇردى، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردۇم، ئۇ مېنىڭ قولۇمنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى.
مەن ئۇنىڭ قايسى سۈرە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەيلا كېتىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ، ئۇنى تۇتۇپ قېلىشقا تېرىشتىم. ئۇ ئىشىكىنىڭ قېشىغا كەلگەن چاغدا مەن سورىدىم:
-
يا رەسۇلۇللاھ، ماڭا ئېيتىپ بېرىشنى ۋەدە قىلغان سۈرىنى ئېيتىپ بەرمەمسەن؟
-
سەن نامازغا تۇرغان چېغىڭدا قايسى سۈرىنى ئوقۇيسەن؟
«مەن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇدۇم، رەسۇلۇللاھ:
- ئاشۇ شۇ! ئاشۇ شۇ! ئۇلار تەكرارلانغان يەتتە ئايەت، قۇدرەتلىك ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ‹بىز ساڭا تەكرارلانغان يەتتە ئايەتنى ۋە قۇدرەتلىك قۇرئاننى نازىل قىلدۇق،› - دېدى.»
ئۇبەينىڭ قۇرئانغا ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ۋە چوڭقۇر ئىخلاسى بار ئىدى. بىر قېتىم ئۇ بىر ئايەتنىڭ بىر بۆلىكىنى ئوقۇۋىدى، خەلىپە ئۆمەر ئۇ ئايەتنى چۈشىنەلمىدى ياكى ئەسلىيەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇبەيگە:
-
سەن يالغان ئېيتتىڭ، - دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئۇبەيمۇ:
-
ياق، سەن يالغان ئېيتتىڭ، - دېدى.
بۇنى ئاڭلىغان بىر ئادەم ئۇبەيگە:
-
سەن مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنى يالغانچى دېدىڭمۇ؟ - دېدى.
-
مېنىڭ ساڭا قارىغاندا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇرراق ھۆرمىتىم ۋە ئىخلاسىم بار، - دېدى ئۇبەي، - ئەمما ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۈشىنىشتە خاتالاشتى. مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئاللاھنىڭ كىتابى توغرۇلۇق خاتالاشسا، مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى توغرا دېيەلمەيمەن.
-
ئۇبەينىڭ سۆزى توغرا ئىكەن، - دېدى ئۆمەر ئاخىرى.
ئۇبەي قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ئىدى، بىر ئادەم كېلىپ:
-
ماڭا نەسىھەت قىلىپ قويغىن، - دېدى. ئۇبەي ئۇنىڭغا:
-
ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆزۈڭگە يولباشچى (ئىمام) قىلغىن، ئۇنىڭ ھۆكىمىگە ۋە ھۆكۈم چىقىرىشىغا رازى بولغىن، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بىزگە قالدۇرغان مىراسى، سېنىڭ چوقۇم بويسۇنۇشىڭغا تېگىشلىك بولغان قانۇن ۋە سەن بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتە، - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ، ئۇبەي ئىلگىرىكىدەكلا ئىسلام دىنىغا مۇستەھكەم يېپىشتى ۋە قۇرئان كەرىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىپ ماڭدى. ئۇ ئىبادەتتە ناھايىتى چىداملىق ئىدى، دائىم خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن، مەسجىدتە قېلىپ ئىبادەت بىلەن ياكى قۇرئان ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. بىر قېتىم ئۇ مەسجىدتە بىر توپ مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ئاللاھقا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغان ئىدى، ئۆمەر كىرىپ كېلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇردى ھەمدە ھەر بىرەيلەننىڭ بىردىن دۇئا ئوقۇشىنى ئېيتتى.
ئۇلار ھەممىسى بىردىن دۇئا قىلىشتى، نۆۋەت ئۇبەيگە كەلدى، ئۇ ئۆمەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدى. ئۇ سەل تارتىنىپ، ھودۇقۇپ كېتىۋىدى، ئۆمەر ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشنى ئېيتتى:
- ئى ئاللاھ! بىزنى مەغفىرەت قىل، ئى ئاللاھ، بىزگە رەھىم قىل.
ئۇبەي پۈتۈن ھاياتىدا تەقۋادارلىقنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلدى. ئۇ ناھايىتى ئاددىي ھالەتتە ياشاپ، دۇنيانىڭ ئۇنى چىرىتىشىگە ۋە ئالدىشىغا ھەرگىز يول قويمىدى. ئۇ بىر ئىنسان دۇنيادا ھەر قانچە راھەت- پاراغەتتە بەختلىك ياشىسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا پەقەت ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمىلىلا پايدا بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتنى ۋە رېئاللىقنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنەتتى. ئۇ دائىم مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ ياشىدى ۋە دائىم ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلگىرىكى ئىسلامغا بولغان مۇھەببىتىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلگىرىكى ئاددىي- ساددا تۇرمۇشىنى ھەمدە قۇربان بېرىش روھىنى ئەسلىتەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن بىلىم ئېلىش ۋە مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كېلەتتى. ئاشۇلارنىڭ بىرىگە ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى:
-
مۆمىننىڭ تۆت ئالاھىدىلىكى بار: ئەگەر بىرەر خاپىلىققا ياكى كېلىشمەسلىككە ئۇچرىسا، سەۋرى قىلىدۇ، تەۋرەنمەيدۇ. ئۇنىڭغا بىر نەرسە بېرىلسە رەھمەت ئېيتىدۇ. سۆزلىسە ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ. ھەر قانداق ئىشتا ھۆكۈم چىقارسا، ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇبەي دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۈيۈك شەرەپكە ۋە يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. ئۆمەر ئۇنى «سيد المسلمين» (مۇسۇلمانلارنىڭ خوجىسى) دەپ ئاتايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مۇشۇ نام بىلەن مەشھۇر بولدى. ئۇ ئەبۇ بەكرىنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە خىلمۇخىل مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش، مەسلىھەت بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولدى. بۇ گۇرۇپپا مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلار ئىچىدىكى بىلىملىك، ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان مۇسۇلمانلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار: ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، مۇئاز ئىبنى جەبەل، ئۇبەي ئىبنى كەئب ۋە زەيد ئىبنى سابىتلار ئىدى. كېيىن ئۆمەر خەلىپە بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ گۇرۇپپا ئۆزگەرمىدى. پەتىۋا بېرىش ئۈچۈن ئوسماننى، ئۇبەينى ۋە زەيد ئىبنى سابىتنى بەلگىلەپ قويدى. ئۇبەينىڭ جەمئىيەتتىكى يۇقىرى ئابرۇيىغا قاراپ، باشقىلار ئۇنى بىرەر يەرنىڭ باشلىقىمىكىن، تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان ئىسلام دۆلىتىدە، بىرەر ۋىلايەتنىڭ ۋالىسىمىكىن دەپ ئويلاپ قالاتتى (ئەمەلىيەتتىمۇ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا سەدىقە يىغىشقا مەسئۇل ئىدى). ئۇبەي بىر قېتىم ئۆمەردىن سورىدى:
-
ساڭا نېمە بولدى؟ مېنى نېمە ئۈچۈن باشلىق قىلمايسەن؟
-
ئىمانىڭنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن، - دېدى ئۆمەر.
ئۇبەي ئېھتىمال بۇ گەپنى مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىكى ئىمانى پاكلىقتىن ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆمەرگە ئېيتقان ئىدى. ئۇبەي نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ باشلىقلىرى ئالدىدا ھەددىدىن زىيادە ئەدەپلىك ۋە خۇشامەتچىلىك پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇراتتى. چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇنداق قىلىش باشلىق بولغۇچىغىمۇ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگىمۇ زىيانلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلەتتى. ئۇبەي باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىدە ناھايىتى سەمىمىي ۋە ئاقكۆڭۈل ئىدى، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايتتى، ئۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھەقىقىي ۋىجدان ئىگىسى ئىدى.
ئۇبەي مۇسۇلمانلار ئۈممىتىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پارچىلىنىپ، ئۇرۇش- ماجىرا قىلىپ كېتىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلاتتى. ئۇ دائىم قۇرئاننىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىنى ئوقۇسا ۋە ئاڭلىسا، ئۆزىنى ناھايىتى ئاجىز ھېس قىلاتتى:
((ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ‹ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (لۇت ۋە نوھ ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قوۋمىغا، ئەسھابۇلفىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (فىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر.› ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن( (سۈرە ئىنئام 6- ئايەت) ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارىغا چىن كۆڭلىدىن دۇئا قىلىپ، ئاللاھنىڭ توغرا يول كۆرسىتىشىنى، كەڭچىلىك ۋە مەغفىرەت قىلىشىنى تىلەيتتى.
ئۇبەي ھىجرەتنىڭ 29- يىلى ئوسماننىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ۋاپات بولدى.
ئۇممۇ سەلەمە
بۆلۈم: “ئۇممۇ سەلەمە”سىز، ئۇممۇسەلەمەنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟! ئۇنىڭ ئاتىسى مەخزۇم قەبىلىسىنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرىدىن ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدە سېخى دەپ ئاتالغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى يولۇچىلارغا ئوزۇق بەرگۈچى دېيىشەتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ يۇرتىنى نىشان قىلىپ كەلگەن ياكى ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا ماڭغان ھەرقانداق كىشى ئوزۇق ئالمايتتى.
ئۇممۇ سەلەمەنىڭ يولدىشى- ئابدۇلئەسەتنىڭ ئوغلى، ئابدۇللاھ بولۇپ، ئىسلامغا دەسلەپكى قەدەمدە كىرگەن 10 كىشىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ئەبۇبەكرى ۋە بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا بىر قانچە كىشى ئىسلامغا كىرگەن ئىدى.
ئۇممۇسەلەمنىڭ ئۆز ئىسمى ھىندى بولۇپ، ئۇممۇسەلەمە (سەلەمەنىڭ ئانىسى) دەپ لەقەم قويۇلغان ئىدى، شۇڭا ئۇ لەقىمى بىلەن چاقىرىلىپ كەلگەن.
ئۇممۇ سەلەمە - ئېرى بىلەن بىرگە مۇسۇلمان بولغان. شۇنداقلا ئىسلامغا بۇرۇن كىرگەنلەردىن ئىدى. ئۇنىڭ ۋە ئېرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىق خەۋىرى تارقىلىشى بىلەنلا قۇرەيشلىكلەر ئەنسىرەشكە باشلىدى ھەم ئۇ ئىككىسىگە قاتتىق تاشلارنى ئېتىپ، ئېغىر ئەزىيەتلەر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىمانى تەرۋېنىپ قىلچە ئىككىلىنىپ قالمىدى.
ئىككەيلەنگە يەتكەن ئەزىيەت بەك قاتتىق بولغان مەزگىللەردە پەيغەمبىرىمىز ساھابىلارنى ھەبەشسىتانغا ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى، بۇ ئىككىيلەن مۇھاجىرلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى.
بۇ ئىككىسى چىرايلىق ئۆيىنى، يۇقىرى مەنسەپ ئابرۇينى يېقىن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى، يۇرتداشلىرىنى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قايرىپ قويۇپ، ھەممىنى مەككىدە تاشلاپ قويۇپ، غېرىپ- مۇساپىرلىق يۇرتىغا يول ئالدى.
ئۇممۇسەلەمە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى، ھەبەشىستان پادىشاھى- نەجاشىنىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى جەننەتتە نۇرلاندۇرۇۋەتسۇن!) ھىمايىسىگە ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق، ۋەھىي چۈشكەن ئورۇنغا ۋە توغرا يول مەنبەسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئىشتىياق ۋە تەلپۈنۈش، بۇ ئىككىسىنىڭ يۈرىكىنى تەلپۈندۈرەتتى، بۇ ۋاقىتتا، ھەبەشىستاندا تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلارغا، مەككىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۆپىيىپتۇ! ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب بىلەن ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قۇرەيشلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئەزىيىتى يەڭگىللەپتۇ! دېگەن خەۋەرلەر يېتىپ بارغىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ بەزىسى مەككىگە قايتماقچى بولدى، ئۇلارنى ئىشتىياق ھەيدىسە، تەلپۈنۈش چاقىراتتى.
ئۇممۇ سەلەمە ۋە ئۇنىڭ يولدىشى قايتقۇچىلارنىڭ ئەۋۋەلقىسى بولدى. لېكىن قايتقۇچىلار، ئۆزلىرىگە يېتىپ بارغان خەۋەرنىڭ مۇبالىغە ئىكەنلىكىنى، ھەمزە ۋە ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلگىرىلەشلىرى قۇرەيشلەرنىڭ زەربىسىى ئارقىلىق بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى سەزدى.
مۇشرىكلار، مۇسۇلمانلارنى ئازابلاش ۋە قىيناشتا، ھەددىدىن ئېشىپ، بۇرۇن ئىشلەتمىگەن بېسىملارنى ئىشلىتىشكە ئۆتكەن ئىدى.
بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبىرىمىز، ساھابىلەر مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى، ئۇممۇ سەلەمە ۋە ئۇنىڭ يولدىشى، ئۆز دىنىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزىنى قۇرەيشلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىممۇ ھىجرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئالدى بولۇشنى مەقسەت قىلدى.
لېكىن ئۇ ئىككىسىنىڭ ھىجرىتى، ئۇلار ئويلىغاندەك ئاسان بولماي، ئەكسىچە ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ۋە ئازابلىق بولدى، بۇ قېتىمقى ھىجرەتتە بارلىق تىراگېدىيىلەرنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر، تىراگېدىيە مەيدانغا كەلدى.
بۇ پاجىئەلەرنى ئۇ مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ:
ئەبۇسەلەمە (سەلەمەنىڭ ئاتىسى) مەدىنىگە كېتىشنى مەقسەت قىلىپ، ماڭا بىر تۆگە تەييارلاپ مېنى مىندۈردى ۋە بالامنى قۇچىقىمغا ئېلىپ بەردى، تۆگىنى ئۆزى يېتىلىدى، بىز ھېچنېمىگە قارىماستىن يۈرۈپ كەتتۇق.
مەككىدىن ئايرىلىش ئالدىدا بىزنى مېنىڭ قەبىلەمدىكى مەخزۇم جەمەتىدىن بىر قانچە ئادەم كۆرۈپ قېلىپ، ئالدىمىزنى توسىۋېلىپ يولدىشىم ئەبۇسەلەمەگە:
- سەن ئۆزۈڭنى بىزدىن ئېلىپ قېچىۋاتقان بولساڭمۇ، ئايالىڭنى نېمىشقا ئېلىپ ماڭدىڭ؟ ئۇ بىزنىڭ قەبىلىنىڭ قىزى! سېنىڭ بۇنى بىزدىن ئېلىۋېلىپ، باشقا شەھەرلەرگە ئېلىپ بېرىشىڭغا يول قويىمىزمۇ؟- دېدى ۋە يۇپۇرلۇپ كېلىپ، مېنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالدى.
يولدىشىمنىڭ قەبىلىسى بولغان- ئابدۇلئەسەد جەمەتىلدىكىلەرمۇ، يولدىشىم ئابدۇللاھتىن قەبىلەمدىكى كىشىلەرنىڭ مېنى ۋە بالامنى تارتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاچچىقلىشىپ كېتىشتى- دە، مېنىڭ قەبىلەمدىكىلەرگە قاراپ:
- ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر نېمە دەپ بىزنىڭ ئادىمىمىزدىن بالىنى تارتىۋالىسىلەر؟ ئابدۇللاھ بىزنىڭ بالىمىز، شۇڭا بالىغا بىز ئىگە! - دېگىنىچە كېلىپ، كىچىك بالام سەلەمەنى تارتىۋالدى. بۇنى كۆرگەن مەخزۇم قەبىلىسى كىشىلىرى ئۇلارنىڭ قولىدىكى بالىنى: «بىزنىڭ قەبىلىگە تەۋە!» دېگىنىچە بېرىپ ئۇلاردىكى بالىنى تارتتى، نەتىجىدە بالىنى تارتىشىپ يۈرۈپ، بىچارە سەبى بالىنىڭ قولىنى چىقىرىۋېتىشتى ۋە بالىنى يارىدار ھالەتتە يولدىشىمنىڭ جەمەتىدىكىلەر ئېلىپ كېتىشتى.
مەن بۇ بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشتىن، ئائىلىمىزنىڭ پارچىلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ تەنھا قالغانلىقىمنى سەزدىم.
يولدىشىم بولسا، ئۆز دىنىنى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەدىنىگە يول ئالدى. بالام ئابدۇلئەسەد جەمەتىدىكىلەر بىلەن، يۇمران قولى چىقىرىلغان ھالدا كەتتى. مېنى بولسا، قەۋمىم- مەخزۇم جەمەتىدىكىلەر ئېلىپ قېلىشتى. بىردەمدىلا، مەن، بالام، ئېرىم ئۈچىمىز ئۈچ تەرەپكە ئايرىلدۇق!…
مەن شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ھەتەمە دېگەن جايغا چىقىپ، تاكى كەچ كىرگىچىلىك مېنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەمگە شاھىت بولغان بۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ، بالام ۋە ئېرىم بىلەن ئارىمىزدا يۈز بەرگەن ئاشۇ دەقىقىدىكى كۆرۈنۈشنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ يىغلايدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ ئەھۋاللار بىر يىلچە داۋاملاشتى…
ئاخىرى، قېشىمدىن تاغامنىڭ جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مېنىڭ بۇ ھالىمغا ئىچ ئاغرىتىپ، شەپقەت قىلىپ، مېنىڭ جەمەتىمدىكىلەرگە:
-
بۇ مىسكىن ئايالنى قويۇۋەتسەڭلار بولماسمۇ؟! سىلەر ئۇنى بالىسىدىن، ئېرىدىن ئايرىۋېتىپسىلەر! - دەپ جەمەتىمدىكى كىشىلەرنىڭ دىلىنى يۇمىشىتىپ، ئۇلارنىڭ مېھرىبانلىقىنى قوزغاشقا ئۇرۇندى. ئاخىرى ئۇلار ماڭا:
-
خالىساڭ ئېرىڭگە قوشۇلىۋال! - دېيىشتى.
لېكىن مەن يۈرەك پارەم بولغان بالامنى، مەككىدىكى ئابدۇلئەسەد جەمەتىدىكىلەرنىڭ قېشىدا قالدۇرۇپ، مەدىنىدىكى ئېرىمنىڭ يېنىغا قانداقمۇ كېتەلەيتتىم؟!
مەن ھىجرەت يۇرتىغا كېتىپ، كىچىك بالام بولسا مەككىدە قالسا، مەن ئۇنىڭ خەۋىرىنى بىلمەي- كۆرمەي كۆز ياشلىرىم قانداقمۇ قۇرۇسۇن؟! ھەسرىتىم قانداقمۇ بېسىلسۇن؟!
بىر تۈركۈم كىشىلەر مېنىڭ غەمگە پېتىپ، ھەسرەتلىنىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ مېنىڭ بۇ ھالىمغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئابدۇلئەسەد جەمەتىدىكىلەرگە مەن توغرىلىق گەپ قىلىپ، ماڭا ئىچ ئاغرىتىشنى تەلەپ قىلىشتى، ئۇلار شۇئان بالامنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىشتى.
مەن بىرگە يولغا چىقىدىغان بىرەر ئىشەنچىلىك ئادەمنى تاپقۇچە مەككىدە كۈتۈپ تۇرۇشنى خالىمىدىم.
مەن كۈتۈلمىگەندە بىرەر چاتاق چىقىپ، ئېرىم بىلەن ئۇچرىشالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ تېزلىكتە تۆگە تەييارلاپ، بالامنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ئېرىمنى ۋە دىنىمنى دەپ، مەدىنە تەرەپكە يول ئالدىم. يولدا مەن بىلەن بالامدىن باشقا ھېچ ئادەمزات يوق ئىدى.
مەن تەنئىمگە يېتىپ بارغان چېغىمدا، ئوسمان ئىبنى تەلھەگە ئۇچراپ قالدىم، ئوسمان مەندىن:
-
ئى يولۇچىغا ئوزۇق بەرگۈچىنىڭ قىزى! نەگە ماڭدىڭ؟ - دەپ سورىدى، مەن دەرھال:
-
ئېرىمنى مەقسەت قىلىپ مەدىنىگە ماڭدىم، - دېدىم.
-
سىز بىلەن بىرەر ئادەم يوقمۇ؟
-
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بىلەن مۇشۇ كىچىك بالام ۋە بۈيۈك ئاللاھ بار.
-
ئاللاھ بىلەن قەسەم، (بۇ ۋاقىت تېخى ئوسماننىڭ مۇسۇلمان بولمىغان چاغلىرى ئىدى) مەن سىزنى مەنزىلىڭىزگە يەتكۈزۈپ قويمىغىچە ھەرگىز سىزنى يالغۇز تاشلاپ قايتمايمەن! - دېدى- دە! تۆگەمنىڭ چۇلۋۇرىدىن يېتىلەپ ماڭدى، مەن بۇ ۋاقتقىچە، ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدىن ئۇنىڭدەك ئېسىل، پەزىلەتلىك ئادەم بىلەن سەپەرداش بولۇپ باقمىغان ئىدىم. مەن يولدا بىرەر ئورۇنغا چۈشەر بولسام، ئۇ تۆگەمنى چۆكتۈرۈپ مەن ئۆزۈمنى تۈزەشتۈرۈپ، يەرگە چۈشكىچە، مەندىن يىراق تۇراتتى، مەن تۆگىدىن چۈشۈپ بولغىنىمدا، ئاندىن تۆگىنىڭ قېشىغا كېلىپ، يۈك- تاقلىرىمنى يېشىپ، تۆگىنى دەرەخ تۈۋىگە ئېلىپ بېرىپ سايىدا ياتاتتى، ماڭىدىغان چاغ بولسا، ئۇ تۆگەمنى تەييارلاپ قېشىمغا ئەكېلىپ بېرىپ، مەندىن يىراق تۇرۇپ، مېنى مىنىشكە ئۈندەيتتى، مەن مىنىپ تۆگە ئۈستىدە ئورۇنلىشىپ بولغان ۋاقتىمدا، ئاندىن تۆگىنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنى يېتىلەپ ماڭاتتى.
ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇشۇنداق قىلىپ، تاكى بىز مەدىنىگە يېتىپ كەلگۈچە داۋام قىلدى. بىز ھەتتا مەدىنىگىمۇ يېتىپ كەلدۇق.
بىز مەدىنىدىكى ئەمىر ئىبنى ئەۋف قەبىلىسىگە كەلگەندە، ئوسمان:
- سىزنىڭ ئېرىڭىز مۇشۇ كەنتتە! سىز بۇ كەنتكە ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بىلەن كىرىڭ! - دېدى- دە، مەككىگە قايتىپ كەتتى.
مانا بۇ ئۇممۇ سەلەمەنىڭ بىزگە سۆزلەپ بەرگەنلىرى.
ئۇزاق ئايرىلىشتىن كېيىن، پارچىلىنىپ كەتكەن ئائىلە جەم بولدى. ئۇممۇ سەلەمەنىڭ كۆزى ئېرىگە قاندى، ئابدۇللاھ ئۇممۇ سەلەمە ۋە بالىسى بىلەن ئائىلە بەختىگە ئىگە بولدى.
ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندەك تېز ئۆتۈشكە باشلىدى.
مانا بۇ ئوھۇد ئۇرۇشى، ئۇ بەدىردىن مۇسۇلمانلار بىلەن زەپەر قۇچۇپ، غەلىبىگە ئېرىشىپ قايتقاندىن كېيىنكى ئۇرۇشلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېرى ئابدۇللاھ بەدىردىن كېيىنكى بارلىق ئۇرۇشلاردا قەيسەرلىك بىلەن باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ قايتقان ئىدى. لېكىن بۇ قېتىمقى ئوھۇد ئۇرۇشىدىن قاتتىق جاراھەتلىنىپ قايتتى. ئۇ جاراھىتىنىڭ سىرتى ساقايغىچە داۋالاندى، بىراق ئۇنىڭ جاراھىتى ئىچى تەرىپىدىن بۇزۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، جاراھەت ئېغىزى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ ئابدۇللاھ، ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئۇ جاراھىتىنى داۋالىتىۋېتىپ، ئايالى ئۇممۇ سەلەمەگە:
ـ ئى ئۇممۇ سەلەمە! مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرەر كىشىگە مۇسىبەت يەتسە، ئۇ: «بىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز! ۋە بىز ئاللاھ تەرەپكە قايتىمىز! دېسۇن» دېگەنلىكى ۋە «ئى ئاللاھ! مېنىڭ مۇسىبىتىمگە ئاساسەن ماڭا ئەجىر بەرسەڭ! ئى ئاللاھ! سەن خالىساڭ ماڭا بۇنىڭدىن ياخشىسىنى ئىز باسار قىلىپ بەرسەڭ! دېسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، - دېدى.
ئابدۇللاھ ئۇدا بىر قانچە كۈن ئورنىدىن تۇرالمىدى، بىر ئەتىگىنى پەيغەمبىرىمىز ئۇنى يوقلاپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئىشىكتىن چىقاي دېگەندە ئابدۇللاھ جان ئۈزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك قولى بىلەن ھەمراھىنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويدى ۋە قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ:
- ئى ئاللاھ!
ئابدۇللاھنى كەچۈرگىن! ئۇنىڭ ھايات دەرىجىسىنى ماڭا يېقىن قىلغىن! ھايات قالغانلارغا، ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى ئىزباسار قىلىپ بەرگىن! بىزنى ۋە ئۇنى كەچۈرگىن! ئى جەمئىي كائىناتنىڭ تەربىيىچىسى! ئۇنىڭ قەبرىسىنى كېڭەيتىپ، نۇرلاندۇرۇپ بەرگىن! - دەپ دۇئا قىلدى. لېكىن ئۇممۇ سەلەمە، ئېرى ئابدۇللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ بەرگەن سۆزىنى ئەسلەپ: «ئى ئاللاھ! مەن مۇشۇ مۇسىبەتكە ئاساسەن سەندىن ئەجىر تەلەپ قىلىمەن» دېدى. لېكىن: «ئى ئاللاھ! ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى ئىزباسار قىلىپ بەرسەڭ!» دېگەن سۆزنى قىلىشقا تىلى بارمىدى، چۈنكى ئۇنى ئاللاھ تائالادىن سورايدۇ. ئەپسۇس! بۇ ئايال ئۈچۈن ئۆز ئېرىدىن ياخشى كىممۇ بولسۇن؟ لېكىن ئۇ ئويلىنىپ تۇرمايلا، دۇئاسىنى تاماملىدى.
مۇسۇلمانلار بۇ مۇسىبەتكە قاتتىق قايغۇرۇشتى. ئۇلار بۇندىن بۇرۇن ھېچكىمنىڭ مۇسىبىتىگە بۇنچىلىك قايغۇرمىغان ئىدى.
ئۇممۇسەلەمەگە: «ئەرەبلەرنىڭ تۇل ئايالى» دەپ نام بەردى.
بۆلۈم: “ئۇممۇسەلەمەگە: «ئەرەبلەرنىڭ تۇل ئايالى» دەپ نام بەردى.”بۇ ۋاقىتتا، ئۇممۇسەلەمەنىڭ مەدىنىدە، تېخى قانات قۇيرۇقى تولۇق يېتىلمىگەن كىچىك قۇش كەبى، سەبي بالىسىدىن باشقا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى قالمىغان ئىدى.
مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلار ئۆز زېممىسىدە ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ھەققى بارلىقىنى ھېس قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئېرىگە تۇتقان قارىلىق ئىددىتى تۈگىشى بىلەنلا، ئەبۇبەكرى سىددىق (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئۇممۇ سەلەمەگە، خېرىدار بولۇپ كەلدى، ئۇ بۇ تەلەپكە ماقۇل دېمىدى.
ئاندىن ئۆمەر كەلدى، ئۇنىمۇ ئەبۇبەكرىدەك قايتۇردى.
ئاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ كەلدى، ئۇممۇسەلەمە رەسۇلۇللاھقا:
ـ يا رەسۇلۇللاھ! مەندە ئۈچ خىل خىسلەت بار! بىرىنچىدىن مەن كۈندەشلىكى يامان ئايال، مەندىن خاپا بولۇپ ماڭا ئاچچىقىڭ كەلسە ئاللاھنىڭ مېنى ئازابلىشىدىن قورقىمەن، ئىككىنچىدىن مەن ياشىنىپ قالغان ئايال. ئۈچىنچىدىن مېنىڭ بالام بار، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ـ سەن دېگەن كۈندەشلىككە كەلسەك، مەن ئاللاھ تائالادىن، سەندىن بۇ ئىشنى كەتكۈزۈۋېتىشنى تىلەيمەن، يېشىم چوڭ دېيىشكە كەلسەك، مېنىڭمۇ يېشىم چوڭ، بالام بار دېگەنگە كەلسەك، سېنىڭ بالاڭ مېنىڭمۇ بالام، - دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى نىكاھىغا ئالدى.
ئاللاھ ئۇممۇ سەلەمەنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئابدۇللاھتىنمۇ ياخشى كىشىنى ئىزباسار قىلىپ بەردى. مانا بۈگۈندىن باشلاپ، مەخزۇم قەبىلىسىدىن بولغان ھىندى (ئۇممۇ سەلەمە)، يالغۇزلا، سەلەمەنىڭ ئانىسى بولماستىن بەلكى پۈتكۈل مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى بولۇپ قالدى.
ئۇنىڭ ئىسلام تارىخىدا مەشھۇر بولۇپ قالغان يەنە بىر قىسسىسى بولۇپ، بۇ ۋەقە مۇنداق بولغان ئىدى.
ھىجرىيەنىڭ 7- يىلى مەككىگە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن بارغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابلىرىنى توسۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلارغا رۇخسەت قىلىشنى كېلەركى يىلىغا بېكىتىش ھەققىدە «ھۇدەيبىيە سۈلھىسى» دەپ ئاتالغان سۈلھىنى ئىمزالاشتى.
سۈلھىدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ قۇربانلىق قىلىڭلار، ئاندىن چېچىڭلارنى چۈشۈرۈڭلار» دېدى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ساھابىلەردىن بىرمۇ ئادەم ئورنىدىن تۇرمىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسىمۇ، ئۇلاردىن يەنىلا ھېچكىم ئورنىدىن تۇرمىغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇسەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇممۇسەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا:
- ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن مۇنداق قىلىشنى خالامسەن؟
سەن سىرتقا چىقىپ ئاندىن ھېچكىمگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن قۇربانلىقىڭنى بوغۇزلا، ساتىراچنى چاقىرىپ چېچىڭنى ئالدۇر، - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىرتقا چىقتى، ھېچكىمگە گەپ قىلماستىن قۇربانلىقنى بوغۇزلىدى، ساچتىراچنى چاقىرىپ، چېچىنى چۈشۈرتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ساھابىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قۇربانلىقىنى بوغۇزلايدۇ.
دېمەك، ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىز ئۆزىنىڭ ئەقىللىقى بىلەن ساھابىلارنى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىدىن ساقلاپ قالغان.
ئاللاھ جەننەتتە ئۇممۇسەلەمەنىڭ يۈزىنى نۇرلاندۇرۇۋەتسۇن! ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! ۋە ئۇنىمۇ رازى قىلسۇن! ئامىن!
خەبباب ئىبنى ئىرت
بۆلۈم: “خەبباب ئىبنى ئىرت”ئۇ قىزىقىپ مۇسۇلمان بولغان، بويسۇنۇپ ھىجرەت قىلغان، مۇجاھىد بولۇپ ياشىغان… كىشىدۇر.
- ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ.
خۇزائى قەبىلىسىدىن بولغان ئۇممۇ ئەممار مەككىدىكى قۇل بازىرىغا ماڭدى، ئۇ ئۆز خىزمىتىگە سېلىپ مەنپەئەتلىنىش، قول ھۈنىرى بىلەن پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىگە بىر قۇل سېتىۋالماقچى بولغان ئىدى. ئۇ سېتىلىشقا چىقىرىلىپ قويۇلغان قۇللارنىڭ يۈزىگە سەپسېلىپ قاراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزى تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بىر كىچىك بالىغا چۈشتى. ئۇ بالا ناھايىتى ساغلام كۆرۈنەتتى، كۆزلىرىدىن بولسا ئۇنىڭ چېچەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ بالىنى سېتىۋېلىپ ئېلىپ ماڭدى.
ئۇ يولدا كېتىۋاتقاچ بۇ بالا بىلەن تۆۋەندىكىدەك سۆزلىشىپ ماڭدى:
-
ئى بالا! ئىسمىڭ نېمە؟
-
خەبباب.
-
ئاتاڭنىڭ ئىسمىچۇ؟
-
ئىرت.
-
سەن قەيەرلىك؟
-
نەجدىدىن.
-
ئۇنداقتا سەن ئەرەبكەنسەنغۇ؟
-
شۇنداق، مەن بەنى تەمىم قەبىلىسىدىن.
-
سەن قانداق بولۇپ مەككىدىكى قۇل بېدىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىڭ؟
-
بىزنىڭ قەبىلىمىزگە ئەرەب قەبىلىلىرىدىن بىر قەبىلە ھۇجۇم قىلىپ، تۆگىلەرنى ھەيدەپ كەتتى، ئاياللارنى ئەسىرگە ئالدى، كىچىك بالىلارنى قۇللۇققا تۇتۇۋالدى، مەنمۇ شۇ بالىلارنىڭ قاتارىدا ئىدىم، مەن قولدىن- قولغا ئۆتۈپ مەككىگە كېلىپ سىزنىڭ قولىڭىزغا چۈشتۈم، - دېدى.
ئۇممۇ ئەممار بالىنى قىلىچ ياساشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن مەككىدىكى تۆمۈرچىلەردىن بىرىگە شاگىرتلىققا بەردى، ئۇ قىلىچ ياساشنى ناھايىتى ئاسانلا ئۆگىنىۋالدى ۋە قىلىچنى ناھايىتى ياخشى ياسىيالايدىغان بولدى. خەبباب بۇ ھۆنەرنى پۇختا ئىگەللەپ بولغاندا ئۇممۇ ئەممار ئۇنىڭغا بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، دۇكانغا كېرەكلىك سايمانلارنى سېتىپ ئېلىپ بەردى ۋە خەببابنىڭ ھۈنىرى بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە باشلىدى.
خەبباب دۇكاننى ئېچىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىشىلەر ئۇنىڭ ۋاپادار، راستچىل ئىكەنلىكىگە ۋە ياسىغان قىلىچلىرىنىڭ ياخشىلىقىغا قاراپ بەس- بەس بىلەن سېتىۋېلىشقا باشلىدى. چۈنكى خەببابنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ لېكىن ئۇ چوڭلارغا خاس ھېكمەتلىك سۈپەتلەرگە ئىگە بىر بالا ئىدى.
ئۇ ھۈنىرىدىن بىكار بولسىلا پۈتۈنلەي بۇزۇقچىلىققا چۆكۈپ كەتكەن بۇ نادان جەمئىيەتنىڭ ئېچىنارلىق ئەھۋالى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزەتتى ۋە ئۆزىنىڭمۇ شۇنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ ئازغۇنلۇق، چىرىكلىك ئىچىدىكى ئەرەب دۇنياسىغا، ئۇنىڭدىكى قالايماقانچىلىققا قاراپ گاڭگىراپ قالاتتى ۋە بەزىدە ئۆز- ئۆزۈگە: «بۇ زۇلمەتلىك كۈنلەرمۇ ئاخىرلىشىدۇ!» دەپ قوياتتى. ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ يوقىلىپ قۇياشنىڭ پارلاپ چىقىشىنى، ئۇ خىلدىكى ھاياتنىڭ ئۇزۇنغا داۋاملىشىشىنى بەك ئۈمىد قىلاتتى.
خەببابنىڭ كۈتىشى ئۇزۇنغا بارمىدى، ئۇ بەنى ھاشىم جەمەتىدىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىرىنىڭ ئېغىزىدىن ھەقىقەت قۇياشىنىڭ پارلىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى ۋە دەرھاللا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ ئەقلىنى ھەيران قىلدى، ھەم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جەلپ بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قولىنى ئېچىپ: «بىر ئاللاھ تىن باشقا ئىلاھ يوق! مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دەپ گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ زېمىن يۈزىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ئالتە كىشىنىڭ ئالتىنچىسى بولدى.
خەبباب ئۇزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ھېچكىمدىن يوشۇرمىدى. ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىق خەۋىرى خوجايىنى ئۇممۇ ئەممارغا يېتىشى بىلەنلا ئۇ ئاچچىقىنى باسالماي بىر تۇغقىنى سىبا ئىبنى ئابدۇلئۇززانى ئەگەشتۈرۈپ خەببابنىڭ قىشىغا باردى، ئۇ ئىككەيلەنگە خۇزائە قەبىلىسىنىڭ ياشلىرىدىن بىر تۈركۈمى ئەگىشىۋالغان ئىدى، بۇ چاغدا خەبباب دۇكاندا خاتىرجەم ھالدا ئۆز ئىشىنى بېرىلىپ ئىشلەۋاتقان ئىدى.
سىبا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:
-
بىزگە سەن توغرۇلۇق بىر خەۋەر يەتتى، بىراق بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمىدۇق،- دېدى. خەبباب:
-
نېمە ئىش؟ - سورىدى خەبباب.
-
سېنىڭ ئۆز دىنىڭدىن يېنىپ بەنى ھاشىم جەمەتىدىكى ھېلىقى كىشىگە ئەگەشكەنلىك خەۋىرىڭ.
-
مەن دىنىمدىن يانمىدىم، مەن شېرىكى يوق بىر ئاللاھقا ئىشەندىم ۋە سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلاردىن قول ئۈزدۈم، مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىم… - دېدى.
سىبا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خەببابنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش بىلەن تەڭلا يۇپۇرلۇپ كېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ- دەسسەشكە باشلىدى، ئاخىرى ئۇ تاياق دەستىدىن يۈز- كۆزى يارىلانغان ھالدا يەرگە يىقىلدى. خەبباب بىلەن ئۇنىڭ خوجايىنى ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىش قورۇق چۆپكە تۇتاشقان ئوتتەك بىردىنلا مەككىنىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە تارقالدى. كىشىلەر خەببابنىڭ جۈرئەتلىك ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالدى. چۈنكى تاكى شۇ كۈنگىچە ئۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىمانلىرىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.
بۇ ئىش قۇرەيش كاتتىلىرىنىمۇ تەۋرىتىۋەتتى. ئۇلار ئۇممۇ ئەمماردىن باشقا خوجايىنى ياكى بىرەر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىسى يوق بىر قۇل تۆمۈرچىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشىنى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىللاپ، ئاتا- بوۋىلىرىنى ھاماقەتلەر قاتارىغا چىقىرىۋېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇلار مۇشۇنداق ئىشنىڭ كېيىن يەنە يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئالدىن جەزم قىلىشتى.
قۇرەيشلەر خاتا مۆلچەرلىمىگەن ئىدى، خەببابنىڭ جاسارىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىمانلىرىنى ئاشكارىلاشقا رىغبەتلەندۈردى، نەتىجىدە ئۇلارمۇ ئىمان ئېيتقانلىقلىرىنى بىر- بىرلەپ ئاشكارىلاشقا باشلىدى.
قۇرەيش كاتتىۋاشلىرى كەبىنىڭ ئالدىغا يېغىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ رەئىسلىرىدىن، ئەبۇ سوفيان ئىبنى ھەرپ، ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە، ئەبۇ جەھل ئىبنى ھىشام قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇلار مۇھەممەدنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈندىن- كۈنگە چوڭىيۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار ئىشنىڭ تېخىمۇ يوغىناپ كېتىشىدىن ئىلگىرى ئۇنى يىغىشتۇرۇشنىڭ چارىلىرىنى ئويلاپ تېپىپ ئاخىرىدا ھەر بىر قەبىلە ئۆز قەبىلىسىدىن ئىمان ئېيتقانلارنى تاكى دىنىدىن يانغان ياكى ئۆلگەنگە قەدەر جازالاش قارارىنى چىقاردى.
سىبا ۋە ئۇنىڭ قەۋمىدىكىلەرگە خەببابنى جازالاش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن بولۇپ، ئۇلار كۈننىڭ ھارارىتى تازا قىزىغان ۋاقىتتا خەببابنى مەككىنىڭ قۇملۇقىغا ئېلىپ چىقىپ، كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، تۆمۈر چاپان كەيدۈرۈپ سۇمۇ بەرمەي ئازابلايتتى، ئۇ قاتتىق قىينىلىۋاتقاندا ئۇلار خەببابتىن:
-
مۇھەممەد توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ - دەپ سورايتتى. خەبباب:
-
ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى، ئۇ بىزنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىشىمىز ئۈچۈن توغرا ھەق بىلەن كەلگەن! - دەيتتى. ئۇلار ئۇنى بىرھازا ئازابلاپ يەنە:
-
لات ۋە ئۇززا ھەققىدە نېمە دەيسەن؟ - دەپ سورايتتى. خەبباب:
-
ئۇ ئىككىسى يا مەنپەئەت، يا بىر زەرەز بېرەلمەيدىغان گاس گاچىدۇر، - دەيتتى. ئۇلار قىزىتىلغان تاشنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇ تاشلارنى خەببابنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ تاشلاپ قوياتتى، خەببابنىڭ قوۋۇرغىلىرىنىڭ مايلىرى پىژىلداپ ئېقىپ چۈشەتتى.
ئۇممۇ ئەممارنىڭ خەببابقا سالغان ئازابى بىر تۇغقىنى سىبانىڭكىدىن قېلىشمايتتى. بىر كۈنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ خەببابقا گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ جۇدىنى تۇتتى-دە، خەببابنىڭ بېشىغا قىزىتىلغان تۆمۈرنى ياقتى.
ئۇ كۈندە دېگۈدەك خەببابنىڭ قېشىغا كېلىپ قىزىتىلغان تۆمۈرنى ئۇنىڭ بېشىغا ياقاتتى، ھەر قېتىم ياققاندا بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كېتەتتى ۋە ئۇ ھوشىدىن كېتەتتى. خەبباب ئۇممۇ ئەممار بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشى سىباغا ئاللاھتىن جازا تىلەيتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغاندا خەببابمۇ ماڭماق ئۈچۈن تەييارلاندى. لېكىن ئۇ تېخى مەككىدىن ئايرىلمايلا ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۇممۇ ئەممارغا شۇنداق غەلىتە بىر باش ئاغرىقى چاپلاشتىكى ئاغرىق ئازابىدىن ئۇ ئىتقا ئوخشاش ئېڭرايتتى. بۇنداق كېسەلنى ھەم ھېچكىممۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ بالىلىرى ھەر تەرەپتىن تېۋىپ ئىزدەشتى، ئاخىرى ئۇلارغا بۇ كېسەلگە بېشىنى داغلاشتىن باشقا چارە يوقلۇقىنى ئېيتىشتى. شۇنىڭ بىلەن بالىلىرى تۆمۈرنى قىزىتىپ ئۇنىڭ بېشىنى داغلاشقا باشلىدى. داغلىغاندىكى كۆيۈك ئازابىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۇ باش ئاغرىقىدىن سەل ئارام تاپقاندەك بولاتتى.
خەبباب ئەنسارىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئۇزۇندىن بېرى مەھرۇم بولغان راھەتنىڭ لەززىتىنى قايتا تېتىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ياشاش ھاياتىدىن خۇرسەن بولدى. ئۇ بەدىر ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرىقى ئاستىدا جەڭ قىلدى، ئاندىن كېيىن ئوھۇد ئۇرۇشىغا قاتناشتى… ئۇ ئۇرۇشتا سىبانىڭ ئاللاھنىڭ يولۋىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى.
خەبباب ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يەنى ئابا بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلىلارنىڭ(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) زامانىسىغىچە ياشىدى.
ئۆمەر(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) نىڭ خەلىپىلىكى دەۋرىدە بىر كۈنى ئۆمەرنىڭ قېشىغا كىردى، ئۆمەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئۆز يېنىدىكى تۆردىن ئورۇن بەردى ۋە:
-
بۇ ئورۇنغا بىلالدىن قالسا سەنلا لايىق بولالايسەن، - دېدى. ئاندىن كېيىن خەببابتىن ئەينى چاغدا مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭغا سالغان كۈلپەتلىرى توغرىسىدا سورىدى، خەبباب ئۇلارنى تىلغا ئېلىشتىن خىجىل بولغىنىدا ئۆمەر قايتا ئىلتىماس قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. خەبباب كىيىملىرىنى سالدى، ئۆمەر ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تاتۇق ئىزلىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ۋە ئۇنىڭدىن:
-
بۇ ئىشلار قانداق بولغان؟ - دەپ سورىدى. خەبباب:
-
مۇشرىكلار مېنى جازالاش ئۈچۈن ئوت قالاپ چوغ چۈشۈرەتتى، ئاندىن مېنىڭ كىيىملىرىمنى سالدۈرۈپ مېنى چوغ ئۈستىدە سۆرەيتتى. ھەتتا مېنىڭ تېنىمدىن گۆش- مايلىرىم ئاجراپ چۈشەتتى. مېنىڭ بەدىنىمدىن چۈشكەن سۇلار بىلەن ئوت ئۈچۈپ قالاتتى، - دېدى.
خەبباب ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولدى، ئۇ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپ ئالتۇرن- كۈمۈشكە ئېرىشتى، لېكىن ئۇ ماللىرىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان يوللارغا ئىشلىتەتتى.
ئۇ دىنار- دەرھەملىرىنى پېقىرلار بىلىدىغان يەرگە قويۇپ قويۇپ ئۇنىڭغا قۇلۇپ سالمايتتى، ھاجەتمەنلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ خالىغانچە ئېلىپ كېتەتتى. ئۇ ماللىرىنى شۇنداق سەرپ قىلىپ تۇرۇپمۇ مۇشۇ ماللىرىدىن ھېساب بېرەلمەي قىلىشىدىن ۋە بۇ سەۋەب بىلەن ئازابلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى.
ساھابىلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ:
«بىز خەبباب ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق، ئۇ بىزگە:
-
بۇ يەردە سەكسەنمىڭ دەرھەم بار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنى تۇتۇپ قېلىپ باقمىدىم ھەم سورىغانلاردىنمۇ يوشۇرمۇدۇم، - دېگىنىچە يىغلاپ كەتتى. بىز ئۇنىڭدىن:
-
نېمىشقا يىغلايسەن؟
دېسەك ئۇ:
- مەن يىغلايمەن، چۈنكى، مېنىڭ دوستلىرىم كېتىپ قالدى، ئۇلار بۇ دۇنيادىكى ئەجىرلىرىدىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى، مەن بولسام ھايات قالدىم ۋە مۇنۇ ماللارغا ئېرىشتىم، مەن بۇ ماللارنىڭ ئەمەللىرىمنىڭ ساۋابى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، - دېدى.»
خەبباب ۋاپات بولغاندا خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ خەببابنىڭ قەبرىسى ئالدىدا:
- ئاللاھ خەببابقا رەھمەت قىلسۇن! ئۇ قىزىقىپ مۇسۇلمان بولغان، بويسۇنۇپ ھىجرەت قىلغان، جىھاد قىلىپ ياشىغان ئىدى. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ! - دېگەن ئىدى.
تۈگىدى
