تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

5-قىسىم: سالمان پارسىيدىن ئائىشە ئانىمىزغىچە (41–50-ساھابىلەر)

لېكىن ئەرەبلەر زېمىندىن ئىبراھىمنىڭ دىنى بىلەن ئەۋەتىلىدىغان بىر پەيغەمبەرگە ئاز قالدى. ئۇ ئۆز زېمىنىدىن تاشلىق، خورمىلىق زېمىنىغا ھىجرەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاشكارا ئالامىتى بار، ئۇ ھەدىيە يەيدۇ، سەدىقە يېمەيدۇ. تاغاق سۆڭۈكىنىڭ ئوتتۇرىسدا پەيغەمبەرلىك تامغىسى بار، ئەگەر سەن ئاشۇ يۇرتقا بارالىساڭ بارغىن، - دېدى ئۇ.

ئۇ ۋاپات بولدى، مەن ئۇ يەردە تاكى «كىلاب» قەبىلىسىدىكى بىر تۈركۈم سودىگەرلەر ئۆتكىچە تۇردۇم ۋە ئۇ سودىگەرلەرگە:

ـــ مېنى ئەرەبلەرنىڭ يۇرتىغا ئاپىرىپ قويساڭلار سىلەرگە بۇ قوي، كالىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن، - دېدىم.

ـــ بولىدۇ، سېنى ئاپىرىپ قويايلى، - دېيىشتى.

مەن ئۇلارغا قوي ـ كالىلىرىمنى بەردىم، ئۇلار مېنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى، بىز ۋادىل قوراغا كەلگەندە ئۇلار مېنى ئالداپ، بىر يەھۇدىيغا سېتىۋەتتى، مەن ئۇ يەھۇدىينىڭ خىزمىتىدە بولدۇم، ئوزون ئۆتمەي بەنى قۇرەيزدىكى تاغىسىنىڭ ئوغلى خوجايىنىمنى يوقلاپ كېلىپ، مېنى سېتىۋالدى، مېنى مەدىنىگە ئەكەلدى، مەن مەدىنىدە، ئەمۇرىيەدىكى ھەمراھىم بايان قىلغان خورما باغلىرىنى كۆرۈپ، ئۇ سۈپەتلىگەن سۈپەت بويىچە، بۇ يەرنىڭ مەدىنە ئىكەنلىكىنى بىلدىم ۋە ئۇ يەردە تۇردۇم.

شۇ چاغلاردا پەيغەمبەر مەككىدە ئۆز كىشىلىرىنى دىنىغا دەۋەت قىلىۋاتقان ئىكەن، لېكىن مەن قۇللۇق مەجبۇرلىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن.»


ئۇزۇن ئۆتمەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى. مەن خۇجايىنىمنىڭ خورمىسى ئۈستىدە، ئىشلەۋاتاتتىم، خوجايىنىم ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى كېلىپ:

ـــ ئاللاھ قەيلە قەبىلىسىنى ھالاك قىلىۋەتسۇن، ئۇلار مەككىدىن بۈگۈن كېلىدىغان، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان بىر كىشىنى كۆتۈش ئۈچۈن قۇباغا جەم بوپتۇ، - دېدى.

ئۇنىڭ سۆزنى ئاڭلاپلا، ماڭا تەپ كېسىلدەك بىر نەرسە يېتىپ تىترەپ كەتتىم، ھەتتا خورما تۈۋىدىكى خوجايىنىمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەپ، ئالدىراپلا چۈشتۈم ۋە ھېلىقى ئادەمگە:

ـــ نېمە دېدىڭ؟ ماڭا خەۋەرلەرنى قايتا سۆزلەپ بەرگىنە، - دېدىم.

خوجايىنىم ئاچچىقلىنىپ، مېنى بىر كاچات سالدى ۋە:

  • ساڭا بۇنى سوراپ نېمە كەپتۇ؟ ماڭ ئىشىڭنى قىل! - دېدى.

كەچ كىرگەندە ئۆزۈم يىغىپ قويغان خورمىدىن ئازراق ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشكەن جايغا ماڭدىم، قېشىغا كېلىپ:

ـــ مەن سېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم، سەن بىلەن بىرگە مۇساپىر، ھاجەتمەن دوستلىرىڭ بار ئىكەن، بۇ مەن سەدىقە ئۈچۈن يىغىپ قويغان نەرسە، سىلەرنى بۇ سەدىقىگە ھەقلىق دەپ قارايمەن، دەپ خورمىلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم. ئۇ ھەمراھلىرىغا:

ـــ يەڭلار!… - دېدى، لېكىن ئۆزى يېمىدى مەن كۆڭلۈمدە: بۇ بىرىنچىسى، دېدىم.

قايتىپ خورما يىغىشقا باشلىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇبادىن مەدىنىگە يۈتكەلگەندە، ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ:

ـــ سېنىڭ سەدىقە يېمەيدىغانلىقىڭنى كۆردۈم، بۇ سېنى ھۆرمەتلەپ بەرگەن سوۋغىتىم، - دېدىم.

ئۇ خورمىلاردىن يېدى ۋە ساھابىلىرىنىمۇ يېيىشكە بۇيرۇدى، ئۇلارمۇ يېدى، مەن ئىچىمدە:

ـــ بۇ ئىككىنچىسى … - دېدىم.

كېيىن مەن ئۇنىڭ قېشىغا كەلدىم، غەرقەد قەبرستانلىقىدا بىر ساھابىنى دەپنە قىلىۋاتقان ئىكەن، مەن ئۇنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى ئۇچچسىدا يېپىنچا بارلىقىنى كۆردۈم، مەن ئۇنىڭغا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئەمۇرىيەدىكى دوستۇم سۈپەتلىگەن پەيغەمبەرلىك تامغىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قاراشقا باشلىدىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ مەقستىمنى بىلدى ۋە دەرھال ئۇچىسىدىن رىداسىنى ئالدى، مەن تامغىنى كۆردۈم ۋە ئۇنى تونۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى تاشلاپ، سۆيۈپ يىغلاپ كەتتىم. ئۇ مەندىن:

ـــ سەن بۇنى قانداق بىلدىڭ؟ - دەپ سورىدى.

مەن ئۇنىڭغا كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇ قىزىقىپ ئاڭلىدى، ھەتتا ساھابىلارنىڭمۇ ئاڭلىشىنى خالىدى، مەن ئۇلارغىمۇ سۆزلەپ بەردىم. ئۇلارمۇ ئاڭلىدى ۋە چەكسىز خۇرسەن بولدى.»

پۈتۈن ماكاندىن ھەقىقەتنى ئىزدىگەن سالمان پارىسىغا سالاملار بولسۇن!

ھەقنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئىشەنگەن سالمان پارىسىغا سالام بولسۇن!

ۋاپات بولغان ۋە قايتا تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە ئۇنىڭغا تۈمەن مىڭ سالاملار بولسۇن!…

ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ

بۆلۈم: “ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ”

ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى بار، بۇ مىللەتنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى ئەبۇ ئۇبەيدە.

  • مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

ئەبۇ ئۇبەيدە چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، قەددى قامىتى كېلىشكەن، ئېگىز بويلۇق، ئورۇق، زىلۋا ئادەم بولۇپ، قارىغۇچىنىڭ كۆزى راھەتلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان كىشى چىقىشىپ دوست بولۇپ قالىدىغان خۇش تەبىئەتلىك كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە ناھايىتى كەمتەر، شەرمى - ھايالىق كىشى ئىدى. بىراق مەرتلەر سىنىلىدىغان مەيدانلاردا بولسا خۇددى ھۇجۇمغا تەييارلانغان يولۋاسقا ئايلىناتتى.

مانا بۇ كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى، ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى جەرراھ بولۇپ «ئەبۇ ئۇبەيدە» دەپ ئاتالغان. ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر ئۇنى سۈپەتلەپ: «قۇرەيش قوۋمى ئىچىدە يۈزى ئەڭ نۇرلۇق، ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل، ناھايىتى ھايالىق، ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيدىغان، باشقىلارنىمۇ يالغانچىغا چىقارمايدىغان ئۈچ ئادەم بولۇپ ئۇلار - ئەبۇبەكرى، ئوسمان ئىبنى ئەففان ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە» دېگەن ئىدى.

ئەبۇ ئۇبەيدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىسلامغا كىرگۈچىلەردىن بولۇپ، ئەبۇبەكرىدىن بىر كۈن كېيىن ئەبۇبەكرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىمان ئېيتقان. ئەبۇبەكرى ئۇنى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف، ئوسمان ئىبنى مەزئۇن، ئەرقەم ئىبنى ئەبۇل ئەرقەملەر بىلەن بىللە پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇلار شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۈيۈك ئىسلام دىنىنىڭ تايانچ تۈۋرۈكلىرىدىن بولۇپ قالدى.

ئەبۇ ئۇبەيدە باشقا مۇسۇلمانلار بېشىدىن كەچۈرگەن ئېغىر سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈردى. ئۇ دەسلەپتە ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە ھېچقانداق بىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تارتمىغان ئېغىر ئازاب ئوقۇبەتلەرنى تارتتى. لېكىن ئۇ ھېچقانداق تەۋرەنمەي ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولدى. بەدرى ئۇرۇشدا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن سىناق ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان سىناقلاردىن ئىدى.

بۇ كۈنى ئەبۇ ئۇبەيدە ئۆلۈمدىن قورقماس جاسارىتى بىلەن دۈشمەن سېپىنى يېرىپ يۈرۈپ جەڭ قىلدى. ئۇنىڭ جاسارىتى دۈشمەنلەرنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى، قۇرەيشلەرنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىدىن ئېھتىيات قىلىشىپ ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىپ قالسا، ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشاتتى. لېكىن ئۇلار ئىچىدىكى بىر ئادەم، ئۇ ھەر بىر ھۇجۇمغا ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىۋالاتتى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇ ئادەمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرىشىشتىن قاچاتتى.

ھېلىقى ئادەم ھۇجۇمىنى كۈچەيتكىلى تۇردى، ئەبۇ ئۇبەيدە ھە دەپ ئۇ ئادەمگە ھۇجۇم قىلىپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرسىمۇ، ئۇ ئادەم ئۇنىڭ بىلەن باشقا دۈشمەنلەر ئارىسىدا تۇرۇۋېلىپ ئاخىردا ئۇنىڭ سەۋرى قاچىسىنى تاشتۇرىۋەتتى. ئۇ چىداپ تۇرالماي قىلىچ بىلەن ئالدىدىكى ئۇ ئادەمنى چېپىپ ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىۋەتتى، ئۇ ئادەم يەرگە يىقىلدى.

ھۆرمەتلىك كىتابخان سىز ئۇ ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ بولسىمۇ ھېچكىمنىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان بىر شەخس بولۇپ، دەل ئەبۇ ئوبەيدىنىڭ ئاتىسدۇر.

ئەبۇ ئۇبەيدە ئۆز ئاتىسىنى چېپىپ تاشلىدى. ياق، ئۇ ئاتىسىنى ئەمەس بەلكى ئاتىسىنىڭ دىلىدىكى شېرىك ئەقىدىسىنى چېپىپ تاشلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللا تائالا: (ئاللاھ ۋە ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى - ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، ئورۇق- تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن، ئەنە شۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى.

ئاللا ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئاللاھتىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى ئاللاھنىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر( دېدى.

ئۇنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئىش بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىنغا بولغان سادىقلىقى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نۇرغۇنلىغان روھلار ھەۋەس قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتكەنىدى.

مۇھەممەت ئىبنى جەئفەر رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«خرستىئانلاردىن تەركىب تاپقان بىر بۆلۈك ئەلچىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئى ئەبۇ لقاسىم! بىزگە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالغان ئىشتا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ساھابىلىرىڭ ئىچىدىن ئۆزۈڭ رازى بولىدىغان بىرىنى ئەۋەتكىن. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە سىلەر رازى بولغۇدەك ھۆكۈم چىقارغۇچىلارسىلەر، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

  • سىلەر كەچتە كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ناھايىتى ئىشەنچىلىك بىرسىنى قوشۇپ بېرىمەن،- دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

  • مەن ئۇ كۈنى پىشىن نامىزى ئۈچۈن مەسجىدكە بۇرۇن چىقتىم، گەرچە مەن ھوقۇققا قىزىقمىساممۇ لېكىن شۇ كۈنى ئاشۇ ئىشەنچىلىك كىشىنىڭ مەن بولۇپ قېلىشىمنى تولىمۇ ئۈمىد قىلدىم. پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتراپقا تەكشى نەزەر سېلىپ چىقتى، مەن مېنى چاقىرىپ قالسىكەن، دەپ بوينۇمنى سوزۇپ قاراپ كەتتىم، بىراق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاكى ئەبۇ ئۇبەيدىنى كۆرگىچە ھەممە ياققا قاراپ ئۇنى تاپقاندىن كىيىن ئۇنى چاقىرىپ:

  • سەن ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىپ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشىپ قالغان ئىشتا ئۇلار ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىپ كەلگىن! -دېدى. مەن ئۆز ـ ئۆزۈمگە: ‹بۇ شەرەپكە ئۇ ئېرىشىۋالدى› دېدىم.»

ئۇ ئىشەنچلىك بولۇپلا قالماي يەنە ناھايىتى ئامانەتدار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ خىسلىتى نۇرغۇن ئىشلاردا ئىپادىلەنگەن ئىدى، بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قۇرەيشلەردىن بىرقانچە كىشى بىلەن كارۋانلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار بىلەن بىر تۇلۇم خورمىمۇ بەردى. ئوزۇقلۇق ئۈچۈن بۇندىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى ھەر بىر ئادەمگە بىر تاللا خورما بېرەتتى، كىشىلەر بۇ خورمىنى شورايتتى، ئاندىن سۇ ئىچەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ بىر كېچە كۈندۈزلۈك ئوزۇقى ئىدى.

ئوھۇد ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار مەغلۇپ بولغاندا مۇشرىكلارنىڭ باشلىقلىرى: «بىزگە مۇھەممەدنى كۆرسىتىڭلار! بىزگە مۇھەممەدنى كۆرسىتىڭلار!» دەپ توۋلاشقا باشلىدى. ئەنە شۇ ھالقىلىق ۋاقىتتا ئەبۇ ئۇبەيدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى جان پىدالىق بىلەن قوغداپ تۇرغان ئون ساھابىنىڭ بىرى ئىدى. جەڭ ئاخىرلاشقان چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇدۇل چىشى چۈشۈپ، چېكىسى يېرىلىپ، ساۋۇتىنىڭ ئىككى تال ھالقىسى ئۇنىڭ مەڭزىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. ئەبۇ بەكرى كېلىپ ھالقىنى ئالماقچى بولغان ئىدى، ئەبۇ ئۇبەيدە:

  • مەن قەسەم قىلايكى! بۇ ئىشنى ماڭا قوي! - دېدى.

ئابا بەكرى ئۇنىڭغا بەردى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئەگەر قولى بىلەن تارتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئازار يېتىشتىن ئەنسىرەپ ھالقىنى ئۇدۇل چىشى بىلەن تارتقان ئىدى ئۇنىڭ ئۇدۇل چىشى چۈشۈپ كەتتى. ئاندىن يەنە بىر ئۇدۇل چىشى بىلەن ھالقىنىڭ يەنە بىرىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئۇدۇل چىشىمۇ چۈشۈپ كەتتى. ئەبۇ بەكرى:

  • ئەبۇ ئۇبەيدە چىشى چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولدى، - دېدى.

ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات چېغىدىكى بارلىق غازاتلارغا تولۇق قاتناشقانىدى.

سەففە كۈنى (يەنى ئەبۇ بەكرى سىددىق خەلىپىلىككە ئولتۇرغان، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىنغان كۈن) ئۆمەر ئەبۇ ئۇبەيدىگە:

  • قولىڭنى ئاچ، مەن ساڭا بەيئەت قىلاي! چۈنكى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەر مىللەتنىڭ بىر ئىشەنچلىك ئادىمى بار، سەن بۇ ئۈممەتنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى» دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم، - دەيدۇ. ئەبۇ ئۇبەيدە:

  • مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا ئىمام بولۇشقا بۇيرىغان، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىمام بولغان ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيمەن، - دېدى. ئاندىن ئۇ ئەبۇ بەكرى سىددىققا بەيئەت قىلدى ۋە ئەبۇ بەكرىنىڭ ئىشلىرىدا ياخشى مەسلەكداش، ياخشى ياردەمچى بولۇپ قالدى.

خەلىپىلىك ۋەزىپىسى ئۆمەرگە كەلگەندە ئۇ يەنە خەلىپە ئۆمەرگە بەيئەت قىلىپ ئۇنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بولۇپ، تۆۋەندە ھېكايە قىلىنماقچى بولغان بىر ئىشتىن باشقا ھەرقانداق ئىشتا ئۇنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمىدى.

سىز ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغان ئىشىنىڭ زادى قايسى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىزىقامسىز؟

بۇ ئىش ئەبۇ ئۇبەيدە شام دىيارىدا تۇرغان چاغلىرىدا يۈز بەرگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق پۈتكۈل شام زېمىنىنى فەتھى قىلغانغا قەدەر ئۇ شام دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئىشغال قىلىنغان رايونلارنىڭ دائىرىسى شەرقتە فۇرات دەرياسىغىچە، شىمالدا كىچىك ئاسىياغىچە كېڭەيگەنىدى.

بۇ مەزگىلدە شام دىيارىدا ئەزەلدىن ئاز كۆرۈلىدىغان ۋابا كېسىلى تارقاپ نۇرغۇن كىشىلەر ھالاك بولۇشقا باشلىدى. خەلىپە ئۆمەر ئەبۇ ئۇبەيدەدىن ئەنسىرەپ ئاخىرى ئۇنىڭغا:

  • ساڭا جىددىي ھاجىتىم بار، سەندىن باشقا بىرى بۇ ئىشنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ، تېز قايتىپ كەل، - دېگەن مەزمۇندا خەت يازىدۇ. ئۇ ئۆمەرنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن:

  • مەن مۆمىنلەرنىڭ باشلىقىنىڭ ھاجىتىنى بىلدىم، ئۇ ھايات قالالمايدىغان بىر ئادەمنىڭ ھايات قېلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، - دېدى ھەمدە مۇنداق دەپ جاۋاب خەت يازدى: «مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى! سىزنىڭ ماڭا بولغان ھاجىتىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدىم، مەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئىچىدە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا قازادىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشنى لايىق كۆرمەيمەن، ھەتتا ئاللاھ ئۇلار بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمدا ئۆز ھۆكۈمىنى چىقارغىچە مەن ئۇلاردىن ئايرىلىشنى خالىمايمەن، سىز بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان مېنى بۇيرىقىڭىزدىن ئازاد قىلىۋېتىڭ ھەم مېنىڭ بۇ يەردىن كەتمەسلىكىمگە رۇخسەت قىلىڭ» دەپ جاۋاب يازدى.

ئۆمەر خەتنى ئوقۇپ بولۇپ يىغلاپ كەتتى. باشقىلار ئۇنىڭ بۇ قەدەر قاتتىق يىغلىغانلىقىنى كۆرۈپ:

-ئى مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى! ئەبۇ ئۇبەيدە ئۆلۈپتىمۇ؟- دەپ سورىدى.

  • ياق، لېكىن، يېقىنلىشىپ قاپتۇ، - دېدى.

ئۆمەرنىڭ گۇمانى راست چىقتى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەبۇ ئۇبەيدە ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. ئۆلۈم ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا ئۇ قوشۇندىكىلەرگە مۇنداق ۋەسىيەت قىلدى:

  • مەن سىلەرگە شۇنداق بىر ۋەسىيەت قالدۇرايكى، ئەگەر ئۇنى قوبۇل قىلساڭلار داۋاملىق ئۈستىدە تۇرۇسىلەر، - دېدى ۋە مۇنۇ ۋەسىيەتنى قىلدى، - «ناماز ئوقۇڭلار، رامىزان روزىسىنى تۇتۇڭلار، سەدىقە قىلىڭلار، ھەج قىلىڭلار، كىشىلەرنى ھەققە تەۋسىيە قىلىڭلار، رەھبىرىڭلارغا نەسىھەت قىلىڭلار، يەنى ئۇلار بىرەر ئىشتا خاتالاشسا ئۇ خاتاسىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويۇڭلار، ئۇلارنى ئالدىماڭلار يەنى خاتا قىلغان ئىشلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەي قالماڭلار، مال- دۇنيا سىلەرنى ھالاك قىلمىسۇن.

ئىنسان مىڭ يىل ياشىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا سىلەرگە مەلۇملۇق بولغان بۇ ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ› ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ.» - دېدى، ئاندىن مۇئازغا، - ئى مۇئاز! كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەر، - دېدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ پاك روھى ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. مۇئاز ئورنىدىن تۇرۇپ:

  • ئى خالايىقلار! سىلەر ياخشى بىر قېرىندىشىڭلاردىن ئايرىلدىڭلار، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن قەلبى بۇنىڭدىنمۇ پاك، ئاداۋەتتىن يىراق، ئاخىرەتنى بۇنىڭدىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغان، بۇنىڭدىنمۇ بەك ياخشى نەسىھەت قىلىدىغان باشقا بىرەر ئادەمنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەڭلار، ئاللاھ سىلەرگىمۇ رەھمەت قىلسۇن! - دېدى.

ئاقساق پۇتى بىلەن جەننەتكە دەسسەشنى مەقسەت قىلغان شەيخ.

ئەمر ئىبنى جەمۇھ - ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇن مەدىنە كاتتىۋاشلىرىنىڭ بەنى سەلەمە قەبىلىسىدىن تاللانغان رەھبەرلىرىدىن ۋە مەدىنىدىكى سېخى، ھۆرمەتلىك كىشىلەردىن بىرى ئىدى.

ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇنقى مۆتىۋەر كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە چوقۇنۇش، پەسىللەردە مال ئۆلتۈرۈش، قىيىنچىلىق يەتكەندە يېلىنىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدە بىردىن بۇتنى تىكلەپ قويۇشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدى.

ئەمر ئىبنى جەمۇھنىڭ بۇتى «مانات» دەپ چاقىرىلىدىغان بۇت بولۇپ، ئۇ نەفىس ياغاچلاردىن ياسالغان ئىدى. ئەمرى بولسا بۇتقا ئەھمىيەت بېرىش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياخشى مايلار بىلەن مايلاشتا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلەردىن ئىدى.

ئەمرى مەدىنىدىكى بىرىنچى بېشارەتچى مۇسئەب ئىبنى ئۆمەيرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مەدىنە ئۆيلىرىنىڭ ھەر بىرىگە ئىمان نۇرى بۆسۈپ كىرگەن ۋاقتىدا، يېشى 60 تىن ئاشقان كىشى ئىدى، مۇسئەب ئىبنى ئۆمەيرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنىڭ مۇئەۋۋەز، مۇئاز ۋە خەللاد دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ ئوغلى ئىمان ئېيتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر دوستى بار بولۇپ، ئۇ مۇئاز ئىبنى جەبەل دەپ چاقىرىلاتتى. ئەمرىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن ئوغۇللارنىڭ ئانىسى ھىندىمۇ ئىمان ئېيتقان ئىدى.

ئەمرى بولسا ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. ئەمرىنىڭ ئايالى ھىندى، مەدىنە ئەھلىگە ئىسلامىيەتنىڭ غەلىبە قىلىپ كەلگەنلىكىنى، مۆتىۋەر كىشىلەردىن، ئۆزىنىڭ ئېرى ۋە ئازلا بىر قىسم كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ شېرىك ئۈستىدە قالمىغانلىقىنى كۆردى. ھىندى ئېرىنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ھۆرمەتلەيتتى، شۇڭا ئۇنىڭ كۇپۇرلۇق بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ، دوزاخقا كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.

ئەمرى ئازغىنا ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ دىندىن ياندۇرۇپ، مۇھەممەدنىڭ دىنىغا كىرگۈزۈشكە كۈچى يەتكەن مۇسئەب ئىبنى ئۆمەيردىن ئىبارەت بۇ تەشۋىقاتچىغا بالىلىرىنىڭ ئەگىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئايالىغا:

ـــ ئى ھىندى! سىز بالىلىرىڭىزنىڭ، بۇ ئەر (مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير) گە ئۇچرىشىپ قېلىپ، مۇسئەبتە كۆرگەن ئىشنى بىزنىڭمۇ كۆرۈپ قېلىشىمىزدىن دىققەت قىلىڭ! - دېدى. ئايالى:

ـــ ماقۇل، لېكىن سىز ۋە ئوغلىڭىزدىن ئاشۇ ئادەم ئوتتۇرىغا قويغان نەرسىنى ئازراق بولسىمۇ ئاڭلاپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟ - دېدى. ئەمرى:

ـــ ۋاي ئىسىت! مۇئاز مەن بىلمەي تۇرۇپ دىندىن يېنىپتۇما؟ - دېدى. ئاقكۆڭۈل ئايال ئېرىگە ئىچى ئاغرىپ:

ـــ ئۇنداق ئەمەس! لېكىن ئۇ بۇ تەشۋىقاتچىنىڭ بەزى بىر سورۇنلىرىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى يادلىۋاپتىكەن! - دېدى. ئەمرى:

ـــ ئۇنى قېشىمغا چاقىرىڭلار! - دېدى. مۇئاز ئالدىغا كەلگەندە، ئەمىر ئۇنىڭدىن، - ماڭا بۇ ئادەمنىڭ دېگەنلىرىدىن ئازراق دەپ بەرگىن! - دېدى.

ـــ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن: (بارلىق مەدھىيە، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر! ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېرىباندۇر! قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر! ئى ئاللاھ! ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز! سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز! بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن! غەزەپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ (يولىغا) باشلىغىن!( دېدى مۇئاز. ئەمرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ:

ـــ بۇ سۆز نېمىدېگەن چىرايلىق! نېمىدېگەن گۈزەل! ئۇنىڭ ھەممە سۆزى شۇنداقمىكەن؟ - دەپ سورىدى.

ـــ ھەئە، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق. ئۇنىڭغا بەيئەت قىلامسىز ـ يا، قەۋمىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىپ بولدى! - دېدى. ئەمىر بىر ئاز جىم تۇرۇپ دېدىكى:

  • مەن ماناتقا مەسلىھەت سالماي تۇرۇپ بىر ئىش قىلالمايمەن!

ئۇنىڭ بىر نېمە دەيدىغانلىقىغا قاراپ باقاي، دېدى. مۇئاز ئاتىسىغا:

ـــ ئاتا! ئۇ چۈشەنمەيدىغان، سۆزلىمەيدىغان، گاس ياغاچ تۇرسا ئۇنىڭ نېمە دېيىشىنى كۈتەمسىز؟ - دېدى. ئاتىسى تەلەپپۇزىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ:

  • مەن ساڭا دېدىمغۇ! ئۇنىڭ مەسلىھەتىسىز بىر ئىشنى قىلمايمەن، دېدى ـ دە، ماناتنىڭ قېشىغا باردى. ئۇلار ئادەتتە بۇتنى سۆزلەتمەكچى بولسا، ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىچە، بۇت ئىنئام قىلغان نەرسىنى سۆزلەيدۇ! دەپ قېرى مومايدىن بىرنى بۇتنىڭ كەينىدە تۇرغۇزۇپ، ئۆزلىرى بۇتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ساق پۇتىغا تايىنىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى، مانا ئەمرىمۇ، توكۇر پۇتى بىلەن بۇتى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇتىغا مەدھىيە ئوقۇغاندىن كېيىن:

ـــ ئى مانات! سنىڭ مەككىدىن بىزگە ئەلچى بولۇپ كەلگەن بۇ تەشۋىقاتچىنى بىلىشىڭدە شەك يوق! ئۇ سەندىن باشقىغا يامانلىق قىلمايدۇ!… ئۇ پەقەت، بىزنى ساڭا ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسقىلى كەپتۇ! مەن ئۇنىڭدىن شۇنداق چىرايلىق سۆز ئاڭلىغان بولساممۇ، ساڭا مەسلىھەت سالماي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىشنى يامان كۆردۈم! ماڭا مەسلىھەت بەرگىن! -دېدى. بۇ ئەمرىگە ھېچقانداق گەپ قايتۇرمىغاندىن كېيىن، ـــ سەن ئاچىققلاپ قالغان ئوخشايسەن!… مەن ساڭا بۇندىن كېيىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ئىشنى قىلمايمەن! لېكىن چاتاق يوق، مەن ئاچچىقىڭنى يىتىپ بولغۇچە بىر نەچچە كۈن تەرك ئېتىپ تۇراي! - دېدى.

ئەمرىنىڭ بالىلىرى، ۋاقىتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاتىسىنىڭ «مانات» بۇتتىن ئايرىلماس بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ بىلەتتى، لېكى ئۇلار بۇتنىڭ ئاتىسىنىڭ دىلىدا بۇرۇنقىدەكلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرمايۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ كۆڭلىدىن بۇتنى چىقىرىۋېتىش كېرەكلىكىنى، مانا بۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىمان ئېيتىش يولى بىلەن ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.

ئەمرىنىڭ بالىلىرى كېچىدە دوستى مۇئاز ئىبنى جەبەل بىلەن بۇتنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بەنى سەلەمە قەبىلىسىنىڭ ئەخلەت كاتىكىغا تاشلىۋەتتى ـ دە، ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. تاڭ ئاتقاندا ئەمرى بۇتقا سالام بېرىش ئۈچۈن، ئاستاغىنە كىرىپ، ئۇنى تاپالماي ۋارقىراپ تۇرۇپ:

ـــ ۋاي ئىسىت! بۇ كېچىدە، بىزنىڭ ئىلاھىمىزغا كىم ھۇجۇم قىلدى؟ - دېدى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. ئۇ ئاچچىقلاپ، ۋارقىراپ ـ جاقىراپ تەھدىت سېلىپ، كايىپ، ئۆيىنىڭ ئىچى ـ سىرتىنى ئاختۇردى. ئاخىرى ئۇ بۇتنىڭ كاتەككە بېشىچە تەتۈر قىلىپ تاشلانغانلىقىنى كۆردى. ئۇ بۇتنى ئېلىپ يۇيۇپ، خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى سۈرۈپ ئورنىغا ئەكېلىپ قويدى ۋە بۇتقا:

ـــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مەن ساڭا مۇشۇنداق قىلغان ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلسەم ئىدىم. ئۇنى جازالايتتىم، - دېدى.

ئىككىنچى كېچىسى ياشلار ماناتنىڭ قېشىغا يەنە بېرىپ، تۆنۈگۈنكىدەك ئىشلارنى قىلدى. تاڭ ئاتقاندا ئەمىر بۇتنى ئىزدەپ، كاتەكتىكى ئەخلەتلەر ئىچىدىن تاپتى ۋە ئەتىر سۈرۈپ يەنە بۇرۇنقى ئورنىغا قويۇپ قويدى.

ياشلار بۇتقا ھەركۈنى دېگۈدەك مۇشۇنداق قىلىۋەردى. شەيخ ئەمىر بۇ ياشلارغا تەڭ كېلەلمەي ئاخىر بىركۈن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى، بۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ، قىلىچنى بۇتنىڭ بېشىغا ئېسىپ قويۇپ بۇتىغا:

ـــ ئى مانات! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلارنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن! ئەگەر سەندە ياخشىلىق بولسا، ئۆزۈڭنى يامانلىقتىن قوغدا! مانا بۇ قىلىچ سەن بىلەن بىللە! دېگىنىچە ئۆيىگە ئۇخلاشقا ماڭدى.

ياشلار ئۇنىڭ رەسمىي ئۇخىلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغاندا، بۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ قىلىچنى بۇتنىڭ بوينىدىن ئېلىۋېلىپ، بۇتنى سىرتقا ئېلىپ چىقتى ۋە ئارغامچا بىلەن بىر ئۆلۈك ئىتنى بىرگە باغلاپ، بۇ ئىككىسىنى بەنى سەلەمە قەبىلىسىنىڭ نىجاسەتلەر ئېقىپ كېلىدىغان قۇدۇقىغا تاشلىۋەتتى.

ئەتىگىنى شەيخ ئەمىر ئويغىنىپ، بۇتىنى تاپالمىدى. ئۇنى ئىزدەپ چىقىپ ئۇنىڭ قىلىچى ئېلىۋېلىنىپ، ئىت بىلەن باغلىنىپ قۇدۇققا تاشلانغانلقىنى كۆردى. بۇ قېتىم ئۇ ئاچچىقىدا ئۇنى تارتىپ چىقارماي شۇ يەردىلا تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا:

  • ئاجىز بىر مەخلۇقسەن، سەزگۈسىز، بىللاھ!

ئىت بىلەن تۇرامتىڭ بولساڭ گەر ئىلاھ؟

  • دېدى ـ دە، قايتىپ كېلىپلا ئاللاھنىڭ ھەق دىنغا كىرىپ ئىمان ئېيتتى.

ئەمر ئىبنى جەمۇھ شېرىكلىكتە ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىر سىكۇنتىغا پۇشايمان قىلىپ بارمىقىنى چىشلىگۈدەك بولۇش بىلەن بىللە، يۈكسەك دەرىجىدە ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىپ، پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن دىنغا يۈزلەندى ۋە ئۆزىنى، مېلىنى، بالىلىرىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ئىتائىتىگە تاپشۇردى.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئوھۇد ئۇرۇشى بولدى، ئەمرى ئۈچ ئوغلىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ئەتە ـ ئاخشاملىرى ئورمان يولۋىسىدەك قاراپ، كۆزىتىپ تۇردى. بالىلار ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن غەلىبە ۋە شېھىتلىققا يېتىشكە ئىشتىياق باغلاشقان ئىدى. بالىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەمرىنىڭمۇ قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى، ئۇ بالىلىرى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ بايرىقى ئاستىدا، جىھادقا بېرىشقا بەل باغلىدى، لېكىن بالىلار ئاتىسىنى بەل باغلىغان ئىشتىن توسۇش ئۈچۈن بىرلىككە كەلدى.

ئەمرى بولسا يېشى چوڭ كىشى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاقساپ ماڭاتتى، ئاللاھ جىھادقا چىقماسلىققا ئۆزرىسى بار دېگەن كىشىلەردىن ئىدى.

يىگىتلەر ئاتىسىغا:

  • ئاللاھ ئۆزرىسى بارلارنى كەچۈرگەن تۇرسا، ئاللاھ كەچۈرگەن ئىشقىمۇ ئۆزۈڭنى مەجبۇرلامسەن؟ - دېدى.

شەيخ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئاچچىقلىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ:

ـــ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ بالىلىرىم مېنى بۇ ياخشىلىقتىن توسۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار مېنىڭ توكۇرلىقىمنى دەلىل قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن مۇشۇ ئاقساق پۇتۇم بىلەن جەننەتكە دەسسەشنى ئارزۇ قىلىمەن! - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بالىلىرىغا:

ـــ ئۇنى مەيلىگە قويىۋېتىڭلار! ئاللاھ ئۇنىڭغا شېھىتلىكنى رىزىق قىلىپ بەرسە ئەجەب ئەمەس، - دېدى. بالىلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاتىسىنى توسماي ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى.

ئۇرۇشقا چىقىش ۋاقتىدا، ئەمرى ئايالى بىلەن مەڭگۈلۈككە ۋىدالىشىۋاتقاندەك خوشلاشتى. ئاندىن قىبلىگە يۈزلىنىپ قولىنى كۆتۈرۈپ:

  • ئى ئاللاھ ماڭا شېھىتلىكنى رىزىق قىلىپ بەرسەڭ! مېنى ئۆيۈمگە زىيان تارتقۇچىلاردىن قىلىپ قايتۇرمىساڭ! - دېدى. ئاندىن ئۇ ئۈچ ئوغلى ۋە قەبىلىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىدە يۈرۈپ كەتتى.

ئۇرۇش تازا قىزىغاندا، كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدىن ئايرىلدى. ئەمرى بىرىنچى سەپكە تەييارلاندى ۋە:

  • مەن جەننەتكە ئىشتىياق باغلىغان! مەن جەننەتكە ئىشتىياق باغلىغان!… - دېگىنىچە مەيدانغا چۈشتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئوغلى خەللاد بار ئىدى.

شەيخ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دەپ قاتتىق ئۇرۇشتى ۋە ئۇرۇش مەيدانىغا شېھىت بولۇپ يىقىلدى. ئاتا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى شېھىت بولۇش ۋاقتى پەقەت بىر نەچچە مىنۇتلا ئىدى.

ئۇرۇش تۆگىگەن ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوھۇد شېھىتلىرىنى كۆمۈش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ساھابىلارغا:

ـــ ئۇلارنى قان ۋە جاراھەتلىرى بىلەن قويۇڭلار! مەن ئۇلارغا گۇۋاھچى! - دېدى ۋە، - ئاللاھ يولىدا جاراھەتلەنگەن ھەر قانداق مۇسۇلمان قىيامەت كۈنى قېنى ئاققان ھالدا قاننىڭ رەڭگى زەپە رەڭدە، پۇرىقى ئىپارنىڭ پۇرىقىدەك كېلىدۇ، - دېدى. ئاندىن يەنە، - ئەمر ئىبنى جەمۇھنى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى بىلەن دەپنە قىلىڭلار! ئۇ ئىككىيلەن دۇنيادا يېقىن دوستلاردىن ئىدى، - دېدى.

ئاللاھ ئىبنى جەمۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوھۇد شېھىتلىرىدىن بولغان يارەنلىرىدىن رازى بولسۇن! ۋە ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى نۇرلاندۇرىۋەتسۇن ئامىن!!!

(قۇرەيشلەرگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزگەن ساھابە)

ھىجرىيەنىڭ 6 ـ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلاھىي دەۋىتىنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەر قايسى ئەرەب قەبىلىلىرى ۋە چەتئەل پادىشاھلىرىغا ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا چاقىرغان سەككىز پارچە مەكتۇپ يېزىپ ئەۋەتىدۇ.

مەكتۇپ يېزىلغان كىشىلەر ئىچىدە، ھەنەفى قەبىلىسىدىن بولغان سۇمامە ئىبنى ئۇسالمۇ بار ئىدى. ئۇ ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇنقى ئەرەبلەرنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن ۋە رەھبەرلىردىن، بەنى ھەنىفە قەبىلىسىنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرىدىن ۋە يامامە زېمىنىدا گېپى ئۆتىدىغان كىشىلەردىن ئىدى.

سۇمامە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەكتۇپىنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە چوڭچىلىق قىلىپ يۈز ئۆرۈش پوزىتسىيىسى بىلەن تاپشۇرۇۋالدى.

ئۇنىڭ كىبىرى ۋە گۇناھكارلىقى ئۇنى ياخشىلىققا قىلىنغان بۇ چاقىرىقنى ئاڭلاشتىن قۇلاقلىرىنى گاس قىلىپ قويدى. شەيتان سۇمامەنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە ۋە ئىسلام دىنى چاقىرىقىنى بەربات قىلىۋېتىشقا قىزىقتۇردى. ئەگەر ئۇ قىلماقچى بولغان ئىشىدىن قايتۇرۇلمىغان بولسا، ناھايىتى بىر قەبىھ بىر ئىشنى قىلغىلى تاس قالغان ئىدى.

ئاللاھ پەيغەمبىرىنى ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاپ قالدى. گەرچە سۇمامە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چېقىلىشتىن قول يىغقان بولسىمۇ، ساھابىلارنى ئۆلتۈرۈشتىن قول يىغمىغان ئىدى. ئۇلارنى تۇتقان ھامان ئۆلتۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا «سۇمامەنىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال» دەپ ئېلان قىلدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سۇمامە ئۆمرە ـ ھەج ئادا قىلىشقا بەل باغلاپ، يەمامە زېمىنىدىن مەككە تەرەپكە يول ئالدى، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە كەئبەنى تاۋاپ قىلىش، بۇتلىرىغا مال ئۆلتۈرۈشنى ئويلايتتى.

سۇمامە مەدىنە تەرەپكە يېقىن بىر يولدا كېتىۋاتقىنىدا ئويلىمىغان يەردىن دۈشمەندىن خەۋپ يېتىشتىن ياكى بىرەرسىنىڭ يامان قەست قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۇت ئارىلاپ يۈرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنلىرىدىن بىرىگە ئۇچراپ قالدى.

قوشۇندىكىلەر سۇمامەنى ئەسىرگە ئېلىۋالدى، بۇلار سۇمامەنى تونۇمايتتى. ئۇلار ئۇنى مەدىنىگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئەسىرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن مەسجىد تۈۋرۈكلىرىدىن بىرىگە باغلاپ قويدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدكە چىقىپ باغلانغان سۇمامەنى كۆردى ـ دە، ساھابىلارغا:

  • سىلەر كىمنى تۇتىۋالغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟- دەپ سورىدى.

ــــ ياق! ئى رەسۇلۇللاھ! - دېيىشتى ساھابىلەر.

ــــ بۇ ھەنىفە قەبىلىسىدىن سۇمامە ئىبنى ئۇسال ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار! - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە بېرىپ:

  • سىلەر قېشىڭلاردىكى تاماقنى يىغىپ سۇمامەگە ئەۋەتىپ بېرىڭلار! - دېدى. ئاندىن ئەتىگەن ۋە كەچتە تۆگىسىدىن سېغىلغان سۈتنىمۇ سۇمامەگە ئەۋەتىپ بەردى.

بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سۇمامە يۈز تۇرانە ئۇچرىشىپ، سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى ئۇرۇنلىنىپ بولۇنغان ئىشلار ئىدى.

پەيغەمبىرىمىز سۇمامەنى ئىسلامغا تەدرىجىي كىرگۈزۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ــــ ئى سۇمامە! قانداق خىيالغا كەلدىڭ؟ - دەپ سورىدى. سۇمامە:

ــــ مەن ياخشى خىيالغا كەلدىم!… ئۆلتۈرسەڭ قان قەرزى بار ئادەمنى ئۆلتۈرىسەن! كەچۈرسەڭ، شۈكرى ئېيتقۇچىنى كەچۈرىسەن! ئەگەر ساڭا مال كېرەك بولسا، مەندىن خالىغىنىڭغا ئېرىشىسەن! - دېدى.

ئۇ ئىككى كۈن، شۇ پېتى قويۇپ قويۇلدى. ئۇنىڭغا تائام ۋە سۈت ئۈزۈلمەي ئەۋەتىپ بېرىلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: يەنە ئاۋۋالقى كۈنى سورىغىنىنى سورىدى.

سۇمامەمۇ بۇرۇنقى جاۋابىنى بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەنە ئەتىسى ئەتىگەنگىچە تاشلاپ قويۇپ، يەنە كېلىپ:

ــــ ئى سۇمامە! قانداق خىيالغا كەلدىڭ؟ - دەپ سورىدى. سۇمامە:

ــــ مەن ساڭا دېگەندەك…، - دەپ بۇرۇنقى گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالدى. پەيغەمبىرىمىز، ساھابىلىرىغا قاراپ:

ــــ سۇمامەنى قويىۋېتىڭلار! - دېدى. ئۇلار سۇمامەنى قويىۋەتتى.

سۇمامە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىدىن ئايرىلىپ، مەدىنە ئەتراپىدىكى قېشىدا سۇ بار بەقىئغا يېقىن جايدىكى خورمازارلىققا چۈشۈپ، مۇكەممەل تاھارەت ئېلىپ مەسجىدكە كېلىپ، بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار ئىچىدە، «مەن! بىر ئاللاھنىڭ بارلىقىغا مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە، گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېدى ـ دە، رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ:

  • ئى مۇھەممەد! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، زېمىن يۈزىدە، مەن ئۈچۈن سەندەك سەت كۆرۈنىدىغان كىشى يوق ئىدى. بۈگۈن سەن مەن ئۈچۈن ئەڭ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان كىشى بولۇپ قالدىڭ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ماڭا سېنىڭ دىنىڭدەك ئۆچ كۆرۈنىدىغان دىن يوق ئىدى، ئەمدى بۈگۈن سېنىڭ دىنىڭ دىنلار ئىچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك دىن بولۇپ قالدى ۋە سېنىڭ يۇرتۇڭدەك سەت كۆرۈنىدىغان يۇرت يوق ئىدى، بۈگۈن بۇ يۇرت بارلىق يۇرتلاردىن چىرايلىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. مەن سېنىڭ ساھابىلىرىڭنىڭ قېنىنى كۆپ تۆككەن ئىدىم. سەن ماڭا قانداق ھۆكۈم چىقىرىسەن؟ - دېۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن:

ــــ ساڭا مالامەت قىلىنمايدۇ! ئسىلامىيەت بىراۋنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبى بىلەن بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىشلىرىنى كەچۈرىدۇ، - دەپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا يېزىۋاتقان ياخشىلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەردى.

سۇمامەنىڭ كۆڭلى يايرىدى ۋە ئۇ:

بۆلۈم: “سۇمامەنىڭ كۆڭلى يايرىدى ۋە ئۇ:”
  • ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭگە ساھابىلىرىڭغا يەتكۈزگەندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئەزىيەت يەتكۈزىمەن، مەن ئۆزۈمنى ۋە قىلىچىمنى سېنىڭ دىنىڭنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئاتىۋەتتىم! - دېدى ۋە يەنە، - ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئەسلىدە ئۆمرە ـ ھەج ئادا قىلماقچى ئىدىم، لېكىن سېنىڭ چەۋەندازلىرىڭ مېنى تۇتۇۋالدى، سەن بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟! - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

  • سەن ھەجىڭنى ئادا قىلغىلى ماڭغىن! لېكىن قىلغان ھەجىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ شەرىئىتى بىلەن بولسۇن! - دەپ، ئۇنىڭغا ھەج پائالىيەتلىرىنى ئۆگىتىپ قويدى.

سۇمامە ئۆز يولىغا يۈرۈپ كەتتى، ھەتتا ئۇ مەككىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

  • ھازىرمەن ئى ئاللاھ! ساڭا ھازىرمەن! ساڭا ھازىر دەيمەن ئى ئاللاھ!… ماختاش، نېمەت ۋە پادىشاھلىق سەن تەرەپتىندۇر! سېنىڭ شېرىكىڭ يوقتۇر!… - دەپ تەلبىيە ئېيتتى.

ئۇ ئۆز زېمىندىكى مەككىگە تەلبىيە ئوقۇپ كىرگەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى، قۇرەيشلىكلەر، بۇ تەلبىيەنى ئاڭلاپ، بۇ كىشىنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاچىققلانغان ھالدا قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ يۈگۈرۈشۈپ كېلىشتى.

لېكىن سۇمامە، ئۇلارغا مەغرۇرانە قىياپەتتە قاراپ تۇردى، قۇرەيش ياشلىرىدىن بىرسى ئۇنى ئوقيا بىلەن ئاتماقچى بولۇۋىدى. قۇرەيشلىكلەر ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ:

  • ۋاي سېنى! بۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟ ئۇ يەمامە شەھىرىنىڭ ۋالىيسى! ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە، ئۇنىڭ قوۋمى بىزگە ئاشلىق بېرىشنى توختىتىپ بىزنى ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىدۇ، - دېدى.

كىشىلەر قىلىچلىرىنى غىلاپلىرىغا سالغاندىن كېيىن سۇمامەگە قاراپ:

  • ئى سۇمامە! ساڭا نېمە بولدى؟ ئاتا ـ ئاناڭنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈدۈڭمۇ؟! - دەپ سورىدى. سۇمامە:

ــــ مەن دىندىن يانمىدىم! لېكىن ياخشى دىنغا ئەگەشتىم! يەنى، مۇھەممەدنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم!

  • دەۋېتىپ، يەنە، - ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پۈتۈنلەي مۇسۇلمان بولمىغۇچە، مەن يامامەگە قايتقاندىن كېيىن، سىلەرگە بىرەر تال دان ياكى بىرەر تال مالمۇ كەلمەيدۇ! - دېدى.

سۇمامە، قۇرەيشلىكلەرنىڭ كۆز ئالدىدىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگەتكەن بويىچە ھەج قىلدى. بۇت ۋە تاشلارغا ئەمەس بەلكى ئاللاھ ئۈچۈن مال ئۆلتۈردى ۋە شەھىرىگە قايتىپ بېرىپ، قوۋمىنى قۇرەيشلىكلەرگە بېرىدىغان ئاشلىق ياردىمىنى توختىتىشقا بۇيرۇدى. مەككە خەلقىگە بېرىلىدىغان ئاشلىق توختىدى.

سۇمامەنىڭ قۇرەيشلىكلەرگە يۈرگۈزگەن ئاشلىق جازاسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىشقا باشلىدى. ئاشلىق باھاسى ئۆرلەپ كىشىلەر ئارىسىدا ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ھەتتاكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشتى.

بۇ ۋاقىتتا ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەت يېزىپ:

  • سەن ئۆزۈڭنى سىلە ـ رەھىمنى ئۇلىغۇچى دەپ ۋەدە بېرىسەن ھەم بىزنى شۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىسەن! لېكىن سەن ھازىر، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزدۈڭ! ئاتىلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردۈڭ، بالىلارنى ئاچلىقتىن بىلەن ئۆلتۈردۈڭ، سۇمامە ئاشلىقنى توختىتىۋېلىپ بىزگە زىيانكەشلىك قىلدى. ئەگەر سەن سۇمامەگە بۇ توغرىسىدا خەت يېزىشنى توغرا كۆرسەڭ، شۇنداق قىلغان بولساڭ! - دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇمامەگە ئاشلىقنى قويىۋېتىش توغرىسىدا خەت يازدى، سۇمامە ئاشلىقنى قويىۋەتتى.

سۇمامە پۈتۈن ھاياتىدا دىنغا كۆيۈنۈپ، پەيغەمبىرىمىز يولغان قويغان دىنى شەرىئەتكە رىئايە قىلىپ كەلدى. پەيغەمبىرىمىز روھى دۇنياغا قوشۇلغاندا، ئەرەبلەر ئاللاھنىڭ دىنىدىن توپ ـ توپ بولۇپ چىقىشقا باشلىدى. مۇسەيلىمە بولسا بەنى ھەنىفە قەبىلىسى ئىچىدە تۇرۇپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە چاقىردى. سۇمامە ئاخىرى پۈتۈن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ:

  • ئى بەنى ھەنىفە قەبىلىسى! سىلەر يورۇقلۇق بولمىغان ئۇنداق قاراڭغۇلۇقتىن قېچىڭلار! بۇ بولسا مۇسەيلىمەگە ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن يېزىۋاتقان بەختسىزلىكتۇر. ھەم بىر سىناقتۇر! - دېدى ۋە يەنە، - ئى بەنى ھەنىفە قەبىلىسى! بىر ۋاقىتتا ھەرگىز ئىككى پەيغەمبەر كەلمەيدۇ! مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ھەق ئەلچىسى، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر يوق، ئۇنىڭغا شېرىك بولغان پەيغەمبەرمۇ يوق! - دەپ ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ (ھا، مىم! بۇ كىتاب (قۇرئان) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرەپتىن نازىل قىلىنغاندۇر! (ئاللاھ) گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر! تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر! (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر! ئاللاھ ئىنئام ئىگىسىدۇر! ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق! ئاقىۋەت قايتۇرۇلىدىغان جاي، ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر!( - دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى ۋە، - ئاللاھنىڭ بۇ سۆزلىرى مۇسەيلىمە توقۇپ چىققان: «ئى قومچاق! سىز پاكلايدىغان نەرسىڭىزنى پاكلاڭ! سىز توسۇپ قالىدىغان سۇ يوق! سىز دۇغلاشتۇرىدىغان سۇمۇ ھەم يوق!» دېگەن سۆزىدىن قانچىلىك يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ! - دېدى. ئاندىن قوۋمى ئىچىدىكى، ئىسلامىيەتتە قېلىپ قالغان كىشىلەرنى يىغدى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئاللاھنىڭ سۆزىنى زېمىندا ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن مۇرتەدلەر بىلەن كۈرەش قىلدى.

ئاللاھ سۇمامەگە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار تەرەپتىن ياخشى مۇكاپات بەرسۇن ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان جەننىتى بىلەن ھۆرمەتلىسۇن! ئامىن!

بەرا ئىبنى مالىك ئەنسارى

بۆلۈم: “بەرا ئىبنى مالىك ئەنسارى”

بەرا ئىبنى مالىكنىڭ قەيسەرلىكى تۈپەيلى ئەسكەرلىرىنىڭ ھالاك بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا باشلىق قىلماڭلار!

  • ئۆمەر ئىبنى خەتتاب

ئۇ چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى ـ بېشىنى چاڭ باسقان، ئۇرۇق ـ ئاۋاق، كۆزگە ئاسان چېلىقمايدىغان كىشى ئىدى.

لېكىن شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ، جەڭچىلەر بىلەن بىللە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆلتۈرگەن دۈشمەنلىرىدىن سىرت، يەكمۇ يەك چۈشىشتىلا، مۇشرىكلاردىن يۈزنى ئۆلتۈرگەن، ئۇ جۈرئەتلىك، باتۇر، قەيسەر كىشى بولۇپ، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۇنىڭ توغرىسىدا، قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلىرىغا: «ئۇنىڭ قەيسەرلىكى تۈپەيلى قوشۇنلىرىنىڭ ھالاك بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا ئۇنى قوماندان قىلماڭلار!» دەپ خەت يازغان ئىدى. مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ خادىمى، ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ قېرىندىشى بەرا ئىبنى مالىكنىڭ سۈپىتىدۇر.

ئەگەر مەن بەرا ئىبنى مالىكنىڭ قەھرىمانلىقلىرى توغرىسىىدا سۆزلەپ بەرمەكچى بولسام، سۆزۈم ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇنىڭ ئىش ـ ئىزلىرىدىن بىرنىلا سۆزلەپ بېرىشنى توغرا كۆردۈم، بۇ بەرانىڭ باشقا ئىش ـ ئىزلىرى ھەققىدە مەلۇم تەسەۋۋۇر تۇغدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

بۇ ۋەقە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپات بولۇشى ۋە روھى دۇنياغا قوشۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى سائەتلىرىدىن باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەرەب قەبىلىلىرى، ئىسلامغا دەسلەپتە گۇرۇھ ـ گۇرۇھ بولۇپ كىرگەندەك، ئۇنىڭدىن يەنە گۇرۇھ ـ گۇرۇھ بولۇپ چىقىۋاتقان، ھەتتا مەككە ـ مەدىنە ۋە باشقا جايلاردىن ئاللاھ دىلىنى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم قىلغان بىر بۆلۈك جامائەتلەردىن باشقا، ھېچكىم ئۆز دىنىدا قالمىغان بىر چاغ ئىدى.

ئەبۇبەكرى سىددىق (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) قارىغۇلارچە ھالاك قىلىۋاتقان بۇنداق پىتنىگە، مۇستەھكەم تاغ تەۋرىمىگەندەكلا بەرداشلىق بەردى ۋە مۇھاجىر ـ ئەنسارىلاردىن قوشۇن تەشكىللىدى ۋە بۇ قوشۇن قۇماندانلىرىغا بىردىن بايراق تۇتقۇزۇپ ئۇلارنى دىندىن يېنىۋالغانلارنى ھەق يولغا قايتۇرۇش، دىننى ئۆزگەرتكۈچىلەرنى قىلىچنىڭ بىسى ئارقىلىق ئىسلامغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ئەۋەتتى.

دىندىن يېنىۋالغۇچىلارنىڭ كۈچ جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈكى ۋە سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى، «يالغانچى مۇسەيلىمە» نىڭ يۇرتداشلىرى بولغان، بەنى ھەنىفە قەبىلىسى ئىدى. مۇسەيلىمەنىڭ ئەتراپىغا، قوۋمى ئىچىدىن ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقچىلىرىدىن بولۇپ ۋەھشىي ئۇرۇشقاقلاردىن جەمئىي 000 40 كىشى جۇغلانغان ئىدى.

ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىمانى يوق بولۇپ، مۇسەيلىمەگە يۇرتۋازلىق نۇقتىسىدىنلا ئەگەشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى ھەتتا: «مەن مۇسەيلىمەنىڭ يالغانچى، مۇھەممەدنىڭ راستچىل ئىكەنلىكىنى بىلىمەن! لېكىن بىزگە مۇززەررىنىڭ راستچىل كىشىسىدىن رەفئەنىڭ يالغانچىسى ياخشىراق!» دېيىشكەن ئىدى.

مۇسەيلىمە، مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىن ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھل قوماندانلىقىدىكى دەسلەپكى قوشۇننى مەغلۇپ قىلىپ ئارقىغا چېكىندۈردى. ئەبۇبەكرى مۇسەيلىمەگە قارشى خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىقىدىكى ئىككىنچى قوشۇننى ئەۋەتتى بۇ قوشۇنغا، ئەنسارى ۋە مۇھاجىرلاردىن بولۇپ ساھابىلەرنىڭ سەرخىللىرى توپلانغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدا، بەرا ئىبنى مالىك ۋە مۇسۇلمانلاردىن بىر تۈركۈم باتۇر كىشىلەر بار ئىدى.

ئىككى گۇرۇھ نەجدىدىكى يەمامە زېمىنىدا ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا مۇسەيلىمە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ قارشىلىقى كۈچىيىپ، مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ ئاياغ ئاستىدىكى زېمىن تەۋرىدى، ئۇلار ئورۇنلىرىدىن يۆتكىلىشكە باشلىدى، ھەتتا مۇسەيلىمە قوشۇنى خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ بارارگاھىغىچە بۆسۈپ كىرىپ، ئۇنى قۇزۇقلىرى بىلەن قوشۇپ يۇلۇپ تاشلىدى. مۇبادا بىر ئادەم قۇتقۇزىۋالمىغان بولسا خالىدنىڭ ئايالىنىمۇ ئۆلتۈرۋەتكىلى تاس قالغان ئىدى.

بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ناھايىتى چوڭ بىر خەتەرنىڭ بارلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇسەيلىمە ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ قالسا، بۇندىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ قايتا باش كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا شېرىكسىز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. خالىد قوشۇنىنى قايتا تەرتىپكە سالدى، مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلارنى باشقا مۇسۇلمان ئەۋلادلىرىدىن ئايرىدى. ئۇرۇشتا ھەربىر گۇرۇھنىڭ جەڭگىۋارلىقى بىلىنىشى ئۈچۈن، ھەممە قەبىلىدىكى كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ، ھەر بىرىگە بىردىن بايراق تۇتقۇزدى.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇش تۈگمىنى ئايلىنشقا باشلىدى، بۇندىن بۇرۇن مۇسۇلمانلار بۇنداق قاتتىق جەڭ قىلىپ باقمىغان ئىدى. مۇسەيلىمەنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇرۇش مەيدانىدا، مۇستەھكەم تۇردى؛ مۇسۇلمانلارمۇ ئادەتتىن تاشقىرى باتۇرلۇقلارنى كۆرسەتتى، ناۋادا شۇ باتۇرلۇقلارغا ئاتىلىپ شېئىر يېزىلسا ئىنتايىن گۈزەل بىر داستان پۈتۈپ چىققان بولاتتى.

مانا بۇ كىشى ئەنسارىلار بايرىقىنى كۆتۈرگۈچى سابىت ئىبنى قەيس ئۇ بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ، ئۆزىنى كېپەنلىۋالغان، ئۆزىگە زېمىندا يەرلىك كولاپ بولغان، تىزىغىچە يەرگە چۆكۈپ، شۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرۇپ قوشۇننىڭ بايرىقى ئاستىدا شېھىت بولۇپ يېقىلغۇچە جەڭ قىلغان.

ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ بىر تۇغقىنى زەيد ئىبنى خەتتاب، (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن!): مۇسۇلمانلارغا مۇنداق دەپ توۋلايدۇ:

  • ئى خالايىق! ئېغىز چىشلىرىڭلارنى چىڭ چىشلەرڭلار! دۈشمەنلىرىڭلارغا قىلىچ ئۇرۇڭلار! قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەرڭلار! ئى خالايىق! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ سۆزۈمدىن كېيىن ھەتتا مۇسەيلىمە مەغلۇپ بولغۇچە، ئاللاھ مېنى ئۆز دەرگاھىغا ئالغۇچە، ھەرگىز سۆزلىمەيمەن! مەن بۇنىڭغا قەسىمىمنى دەلىل قىلىمەن، - دېدى ـ دە، سەپكە ئېتىلىپ كىرىپ تاكى شېھىت بولغۇچە جەڭ قىلدى.

مانا بۇ ئەبۇھۇزەيفەنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلى سالىم، ئۇ مۇھاجىرلارنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ قوۋمى ئۇنىڭ ئاجىز كېلىشىدىن ياكى مەغلۇپ بولۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئۇنىڭغا: بىز سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن بىزگە مەغلۇبىيەت كېلىشىدىن قورقىمىز! دېگەندە، سالىم: ئەگەر سىلەر مېنىڭ تۈپەيلىمدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىساڭلار، مەن قۇرئان يادلىغان كىشىنىڭ ئەڭ ئەسكىسى بولۇپ قالمامدىم! دەيدۇ ـ دە، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە باتۇرلارچە ئېتىلىپ جەڭ قىلىپ شېھىت بولىدۇ.

لېكىن بەرا ئىبنى مالىكنىڭ باتۇرلىقى بۇلارنىڭ باتۇرلۇقلىرىدىن تۆۋەن بولدى. (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسدىن رازى بولسۇن!) چۈنكى خالىد جەڭ مەيدانىنىڭ تازا قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋاقىتتا بەرا ئىبنى مالىكقا قاراپ:

ـــ ئى ئەنسارىلار گۇرۇھى! ئى ئەنسارى يىگىت! قەۋمىڭگە قارا! - دېگىنىدە، بەرا ئىبنى مالىك قوۋمىغا قاراپ ۋاقىردى:

ـــ ئى ئەنسارىلار گۇرۇھى! سىلەردىن ھېچكىم بۈگۈندىن باشلاپ مەدىنىگە قايتىشنى ئويلىمىسۇن! سىلەرگە بۈگۈندىن كېيىن مەدىنە يوق! پەقەت بىر ئاللاھ! ئاندىن جەننەت بار!…- دېگىنىچە، مۇشرىكلارغا ئېتىلدى، ئەنسارىلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېتىلدى. سەپلەرنى يېرىپ مېڭىپ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بېشىدا قىلىچلارنى ئويناتقىلى تۇردى. ھەتتا مۇسەيلىمە ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقچىلىرىنىڭ قەدەملىرى تەۋرەپ كەتتى، ئۇلار مۇشۇ كۈندە، ئۆلگەن كىشىنىڭ كۆپلىكىدىن تارىختا «ئۆلۈم باغچىسى» دەپ ئاتالغان باغچىغا مۈكۈۋالدى.

«ئۆلۈم باغچىسى» مۇشۇ ئەتراپتىكى باغچىلارغا نىسبەتەن، تاملىرى ئېگىز قىلىپ قوپۇرۇلغان باغچە بولۇپ، مۇسەيلىمە تۈمەنمىڭ ئەسكىرى بىلەن باغچە ئىشىكىنى مەھكەم تاقىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئېگىز تاملىرى بىلەن قوغدالغان ئىدى، ئۇلار باغچە ئىچىدىن ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى، ئوق مۇسۇلمانلار ئۈستىگە يامغۇردەك چۈشەتتى.

بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنىڭ قەھرىمانى، باتۇر بەرا ئىبنى مالىك ئالدىغا چىقىپ:

  • ئى قەۋمىم! مېنى قالقان ئۈستىدە قويۇپ، قالقاننى نەيزە بىلەن كۆتۈرۈپ مېنى سېپىل ئىشىكىگە يېقىن قىلغان ھالدا سېپىل ئىچىگە تاشلاڭلار! مەن ياكى شېھىت قىلىنىمەن، ياكى بولمىسا، سىلەرگە باغچىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىمەن! - دېدى.

كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئارىلىقتا، بەرا ئىبنى مالىك قالقان ئۈستىدە ئولتۇردى، ئۇ ناھايىتى يېنىك ئىدى، ئۇنى ئونلارچە نەيزە ئۈستىدا كۆتۈرۈپ باغچە ئىچىدىكى تۈمەنمىڭ ئەسكەر ئارىسىغا تاشلىدى، بەرا ئىبنى مالىك ئۇلار ئارىسىغا خۇددى گۈلدۈرمامىدەك چۈشتى ۋە ئۇلار بىلەن ئىشىك ئالدىدا ئۇرۇشۇپ، قىلىچىنى ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىدە ئويناتتى، ئاخىرى كاپىرلاردىن يۈز نەچچىنى ئۆلتۈرۈپ ئىشىكىنى ئېچىۋەتتى، ئۇنىڭ بەدىنىگە ئوقيا ئېتىلغان، قىلىچ ئۇرۇلغان،… بولۇپ جەمئىي 80 نەچچە يەردە ئېغىر جاراھەت ئىزى بار ئىدى. مۇسۇلمانلار بۇ ئۆلۈم باغچىسىغا تۇشمۇ تۇشتىن ئېتىلىپ كىرىپ قىلىچلىرىنى باغچە تاملىرى بىلەن پاناھلىنىۋالغان مۇرتەدلەرنىڭ باشلىرىدا ئويناتتى، ئۇلاردىن 20 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، مۇسەيلىمەنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.

بەرا ئىبنى مالىك ـ داۋالاتقىلى ياتىقىغا ئېلىپ كېلىندى، خالىد ئۇنىڭ جاراھىتىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئاي ئادەم تۇرغۇزدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا شىپالىق بەردى ۋە مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا ئۇنىڭ قولى بىلەن ياردەم بەردى.

بەرا ئىبنى مالىك «ئۆلۈم باغچسىدا» ئۆتۈپ كەتكەن شېھىتلىق پۇرسىتىگە ھەمىشە تەلپۈنۈپ تۇردى، ئۆزىنىڭ بۇ چوڭ ئۈمىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئىشتىياق باغلاپ، ئۇرۇشلارغا ئارقىمۇئارقا چۈشىشكە باشلىدى. ئاخىرى، پارس شەھىرىدىكى تۇستەرنى ئىشغال قىلىدىغان كۈنى، پارسلىقلار ئېگىز قەلئەلەرنىڭ بىرىگە كىرىۋالدى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ، خۇدى بىلەزۈك ـ بىلەكنى قامىۋالغاندەك، قورشىۋالغان ئىدى. مۇھاسىرىگە ئېلىش ۋاقتى ئۇزۇنغا سۇزۇلغانسېرى پارسلىقلارغا ئېغىرچىلىق قاتتىقلاشتى، ئۇلار قەلئە تاملىرىدىن زەنجىرلەرنى تاشلىغىلى تۇردى. زەنجىرلەرنىڭ ئۇچلىرىغا ئوت بىلەن قىزىتىلغان ئۆتكۈر پولات قارماقلار ئېسىلغان بولۇپ، چوغدىنىمۇ بەكرەك لاۋۇلدايتتى. قارماقلار مۇسۇلمانلارنىڭ بەدەنلىرىگە چوقۇلۇپ ئۇلار قەلئە تەرەپكە كۆتۈرۈپ كېلەتتى، قارماققا ئىلىنىپ قالغانلار يا ئۆلەتتى، يا چالا ئۆلۈك بولاتتى، قارماقلاردىن بىرى، بەرا ئىبنى مالىكنىڭ قېرىندىشى ئەنەس ئىبنى مالىكقا سانچىلدى ـ دە، ئۇنى يۇقىرى كۆتۈردى. بەرا ئىبنى مالىك بۇنى كۆرۈپ دەرھال قەلئە تېمىغا ياماشتى ۋە قېرىندىشىنى كۆتۈرۈۋالغان زەنجىرگە ئېسىلدى. ئۇ قېرىندىشىنىڭ بەدىنىدىن قارماقنى چىقىرىشقا ئۇرۇندى، ئۇنىڭ قوللىرى كۆيۈپ تۈتۈن چىقىشقا باشلىدى، ئۇ قېرىنىدىشىنى قۇتۇلدۇرمىغىچە بولدى قىلمىدى، ئۇنىڭ قولى گۆشىسز سۆڭەككە ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن زېمىنغا چۈشتى، بۇ ئۇرۇشتىمۇ بەرا ئىبنى مالىك شېھىتلىكنى رىزىق قىلىپ بېرىشىنى سورىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى، ئۇ ئاللاھقا ئۇچرىشىشقا قىزىققان ھالدا شېھىت بولۇپ يېقىلدى.

ئاللاھ جەننەتتە، بەرا ئىبنى مالىكنىڭ يۈزىنى نۇرلاندۇرۋەتسۇن!

ئۇنىڭ كۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جامالىغا قاندۇرسۇن! ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! ۋە ئۇنىمۇ رازى قىلسۇن ئامىن!!!

بۈگۈن ئۆمەير، مېنىڭ بەزى ئوغۇللىرىمدىنمۇ بەك سۆيۈملۈك بولۇپ قالدى.

  • ئۆمەر ئىبنى خەتتاب

ئۆمەير ئىبنى ۋەھب بەدىر ئۇرۇشىدىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قايتىپ كەلدى، لېكىن ئوغلى ۋەھبنى مۇسۇلمانلار قولىدا ئەسىر ھالىتىدە قويۇپ قايتىپ كەلدى.

ئۆمەير مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرى، ساھابىلارغا قىلغان ئازابلىرى تۈپەيلىدىن ئوغلىغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى.

بىر ئەتىگىنى ئۆمەير كەئبىنى تاۋاپ قىلغىلى ۋە بۇتقا چوقۇنغىلى كېلىپ، تاش يېنىدا ئولتۇرغان، سەفۋان ئىبنى ئۆمەييەنى كۆردى ـ دە، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ:

  • خەيرلىك سەھەر! قۇرەيش كاتتىسى! - دېدى. سەفۋانمۇ جاۋابەن:

  • خەيرلىك سەھەر! ئەبۇۋەھب! ئولتۇرۇڭ پاراڭلىشايلى سۆزلىشىش ئارقىلىق ۋاقتنى تېز ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ! - دېدى.

ئۆمەير سەفۋاننىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. بۇ ئىككىيلەن بەدىر ئۇرۇشىنى، ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن قاتتىق مۇسىبەتلەرنى، مۇسۇلمانلار قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىرلەرنىڭ سانى، مۇسۇلمانلار قىلىچى ئۆلتۈرىۋاتقان ۋە چوڭقۇر قۇدۇق يىتىپ كەتكەن قۇرەيش كاتتىلىرى توغرىسىدا ئىچ ئاغرىتىشقان ھالدا سۆزلەشتى. بۇ ۋاقىتتا، سەفۋان ئېغىر بىر تېنىۋېلىپ:

ــــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇندىن كېيىن ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى! - دېۋېدى، ئۆمەير:

  • ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، راست گەپ قىلدىڭ! - دېدى ۋە بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن، - كەئبىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مېنىڭ تۈگىتىپ بولالمىغان قەرزىم ۋە مەندىن كېيىن جاپا تارتىپ قالىدىغان بالىلىرىم بولمىغان بولسا ئىدى، مەن مۇھەممەدنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىشىنى توختىتىپ ئۇنىڭ يامانلىقىنى توسقان بولاتتىم! - دېدى. ئۇ يەنە ئاستا پىچىرلاپ تۇرۇپ، ــــ ئوغلۇم ۋەھبنىڭ ئۇلارنىڭ قولىدا بولغانلىقى مېنىڭ مەدىنىگە بېرىشىمغا گۇمان قوزغىيالمايدۇ! - دېدى.

سەفۋان ئۆمەييەنىڭ بۇ سۆزلىرىنى غەنىمەت بىلىپ، بۇ پۇرسەتنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى خالىمىدى ـ دە، ئۇنىڭغا قاراپ:

  • ئۆمەير! قانچىلىك قەرزىڭ بولسا مېنىڭ ئۈستۈمگە قويۇپ قوي! مەن ئادا قىلىۋېتەي!… ئەمما، بالىلىرىڭغا كەلسەك، مەن ئۇلارنى ئۆمۈر بويى مېنىڭ بالىلىرىمغا قوشىۋېتەي! مېنىڭ مېلىم كۆپ! ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە يېتىدۇ!… - دېدى.

  • ئۇنداق بولسا، بىزنىڭ بۇ گەپلىرىمىزنى مەخپىي تۇت! ھېچكىمگە دېمىگىن!

  • سەنمۇ شۇنداق قىلارسەن!

ئۆمەير كەئبىدىن چىقتى، ئۇنىڭ قەلبىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئاداۋەت ئوتى لاۋۇلدايتتى، ئۇ بەل باغلىغان ئىشنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كۈنلەرنى سانىغىلى تۇردى. ئۇ ئۆز سەپىرىدىن بىرەر ئادەمنىڭ گۇمانلىنىشىدىن قورقمايتتى. چۈنكى، قۇرەيشلىك ئەسىرلەرنىڭ ئىگىلىرى ئەسىرلەرنى تۆلەم بېرىپ قۇتقۇزۇپ كېلىش ئۈچۈن مەدىنىگە بېرىپ كېلىپ تۇراتتى. ئۆمەير قېلىچىنى چاخلىتىپ، زەھەر بىلەن سۇغارتقۇزدى، ئۇلىغىنى تەييارلاپ تەق قىلدۇردى ـ دە، مەدىنە تەرەپكە يول ئالدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئاداۋەت ۋە يامانلىق بىلەن تولغان ئىدى. ئۆمەير مەدىنىگە يېتىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ مەسجىد تەرەپكە ماڭدى، مەسجىد ئىشىكىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئۇلىغىنى چۆكتۈرۈپ ئۇنىڭدىن چۈشتى. بۇ ۋاقىتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بىر تۈركۈم ساھابىلەر بىلەن مەسجىدنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرۇشۇپ، بەدىر ئۇرۇشىنى ۋە ئۇنىڭدىكى شېھىتلەرنى ئەسلەپ، مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلارنىڭ قەھرىمانلىقلىرى، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى ياردىمى ئارقىلىق ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە ئۇلارغا دۈشمەنلەرنىڭ خارلىقىنى كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىپ ئولتۇراتتى.

ئۆمەر بىر قاراپلا، ئۇلىقىدىن چۈشۈپ قىلىچىنى ئېسىپ، مەسجىد تەرەپكە كېلىۋاتقان ئۆمەيرنى كۆردى ـ دە، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ:

  • ماۋۇ ئىت! ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئۆمەيرغۇ!؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ بۇ يەرگە يامانلىق ئۈچۈنلا كەلگەن! بىز مەككىدىكى چاغلىرىمىزدا مۇشۇ ئىتلارنىڭ بىزگە جاسۇسى ۋە شۇنداقلا بەدىر ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى بىزگە قويۇلغان جاسۇسى ئىدى! - دېدى ۋە يېنىدىكى كىشىلەرگە، - سىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇڭلار! ماۋۇ ئالدامچى نىجىسنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئاگاھ بولۇڭلار! - دېدى ۋە ئالدىراپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، - يا رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئۆمەير ئىبنى ۋەھب! ئۇ قىلىچىنى ئېسىپ كەپتۇ! ئۇنى يامانلىقنى ئويلاپ كەلدىمكىن دەيمەن! - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەرگە:

  • ئۇنى قېشىمغا كىرگۈزىۋەت! - دېدى.

ئۆمەر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ياقىسىدىن تۇتتى ۋە قىلىچىنىڭ يىپى بىلەن بوينىدىن باغلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەپكە ئېلىپ كەلدى، پەيغەمـبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ:

  • ئۇنى قويىۋەت! - دېۋېدى، ئۆمەر ئۇنى قويۇپ بەردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۆمەرگە، - كەينىڭگە يان! - دېۋېدى ئۇ كەينىگە ياندى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەيرگە قاراپ، - ئۆمەير! يېقىن كەل! - دېۋېدى، ئۇ يېقىن كېلىپ:

  • خەيرلىك سەھەر! - دەپ سالام بىرۋىدى (بۇ سالام ئەرەبلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى سالىمى ئىدى)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

  • ئۆمەير! ئاللاھ بىزنى سېنىڭ سالىمىڭدىن ياخشى سالام بىلەن ھۆرمەتلىدى، ئاللاھ بىزنى ھۆرمەتلىگەن سالام «ئەسسالامۇئەلەيكۇم »دۇر، ئۇ جەننەت ئەھلىنىڭ سالىمىدۇر! - دېدى.

  • ئاللاھ بىلەن قەسەم! سەنمۇ بىزنىڭ سالىمىمىزدىن يىراق ئەمەس! ئۇ سالامغا تېخى ئەمدى يەتتىڭ! - دېدى ئۆمەير.

  • ئى ئۆمەير! بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟ دەپ سورىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.

  • سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى ئەسىرنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم! ماڭا ئېتىبار قىلىڭلار! - دېدى.

  • ئۇنداقتا، مۆرەڭدىكى قىلىچنى نېمىگە ئېلىپ كەلدىڭ؟

  • مەن بۇ قىلىچنى يامانلىقنى ئويلاپ ئېلىپ كەلگەن بولسام ئاللاھ بۇ قىلىچنى ئەڭ سەت قىلىچلاردىن قىلىۋەتسۇن!…

  • راست گەپ قىل! قىلىچنى نېمىگە ئېلىپ كەلدىڭ؟

  • يۇقىرىقى ئىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدىم!

  • ياق! سەن سەفۋان بىلەن تاش تۈۋىدە ئولتۇرۇپ قۇرەيش ئۆلۈكلىرىنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەنلىرىنى ئەسلىدىڭلار! ئاندىن سەن، ئەگەر ئۈستۈمدە قەرزىم ۋە بالىلىرىم بولمىغان بولسا، مەن مۇھەممەدنى ئۆلتۈرگىلى چىقاتتىم! دېدىڭ، ئاندىن سەفۋان: سېنىڭ قەرزىڭ ۋە بالىلىرىڭنى، مېنى ئۆلتۈرۈش بەدىلىگە ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سەن بىلەن بۇ ئىشلار ئوتتۇرىسىدا ئاللاھ بار! - دېدى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام.

ئۆمەير بىردەم ھودۇقۇپ قېلىپ:

بۆلۈم: “ئۆمەير بىردەم ھودۇقۇپ قېلىپ:”
  • سېنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇاھلىق بېرىمەن، - دېدى ۋە ئارقىدىنلا، - يا رەسۇلۇللاھ! بىز سەن ئېلىپ كەلگەن ئاسمان خەۋەرلىرىنى ساڭا چۈشۈرۈلگەن ۋەھىيلەرنى يالغان دەپتىمىز! لېكىن سەفۋان بىلەن بولغان سۆزىمىزنى ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ سۆزلەرنى ساڭا ئاللاھ ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئىشەندىم! مېنى ئىسلام دىنىغا باشلاش ئۈچۈن سېنىڭ قېشىڭغا ئېلىپ كەلگەن ئاللاھقا مىڭ مەرتىبە شۈكرى! - دېدى ۋە شاھادەت كەلتۈردى، - بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق! مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا:

  • بۇرادىرىڭلارغا دىندىن مەلۇمات بېرىڭلار! ئۇنىڭغا، قۇرئان ئۆگىتىپ قويۇڭلار! ئۇنىڭ ئەسىرىنى قويۇپ بېرىڭلار! - دېدى.

مۇسۇلمانلار ئۆمەيرنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىغا خۇشال بولۇشتى، ھەتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداق دەيدۇ:

  • ئۆمەير، رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلگەن چېغىدا ماڭا توڭگۇز ئۇنىڭدىن سۆيۈملۈكرەك ئىدى، مانا بۈگۈن ئۇ ماڭا بەزى ئوغۇللىرىمدىن سۆيۈملۈك بولۇپ كەتتى!

ئۆمەير ۋۇجۇدىنى ئىسلام تەلىماتلىرى بىلەن پاكلاپ، دىلىنى قۇرئان نۇرى بىلەن تولدۇرۇپ، مەككە ۋە مەككىدىكى كىشىلەرنى ئۇنتۇلدۇرغىدەك دەرىجىدە ھاياتىنىڭ گۈزەل ۋە باياشات كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋاقىتتا، سەفۋان شېرىن خىياللارنى سۈرۈپ قۇرەيشلەر ئىچىدە: «سىلەرگە پات يېقىندا كېلىدىغان ۋە بەدىر ۋەقەسىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان چوڭ خەۋەردىن بېشارەت بېرەي!» دەپ جار سېلىپ يۈرەتتى، سەفۋان ئۇزۇن مۇددەت كۈتۈپ تۇردى، ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىئاراملىق ئاستا ـ ئاستا كىرىشكە باشلىدى، ھەتتا ئۇ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تۇرالماس بولۇپ قالدى. يولۇچىلاردىن ئۆمەير توغرىلىق سورىغان بولسىمۇ، ھېچكىمدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدى، بىر كۈنى بىر يولۇچى كېلىپ، «ئۆمەير مۇسۇلمان بوپتۇ!» دېدى. سەفۋانغا بۇ خەۋەر يەر تەۋرىتىلگەندەك تۇيۇلدى. چۈنكى، يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەر مۇسۇلمان بولسىمۇ، ئۆمەيرنى مۇسۇلمان بولمايدۇ، دەپ ئويلايتتى.

ئەمما ئۆمەير دىندىن خەۋەردار بولۇپ، قۇرئاندىن مەلۇم دەرىجىدە ياد ئالدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ،

  • يا رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەپتىمەن! ئىسلام دىنىغا كىرگەن كىشىلەرگە يەتكۈزگەن ئەزىيتىم بەك قاتتىق بوپتۇ! ئەمدى مەن مەككىگە بېرىپ قۇرەيش خەلقىنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرەپكە چاقىرىشىمغا رۇخسەت بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن! ئەگەر ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ـ ھە!؟ ئەگەر يۈز ئۆرۈسە، مەن بۇرۇن سېنىڭ ساھابىلىرىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزگەندەك، ئۇلارنىڭ دىنىغىمۇ ئەزىيەت يەتكۈزىمەن! - دېدى.

رەسۇلۇللاھ ئۆمەيرگە رۇخسەت قىلدى، ئۆمەير مەككىگە قايتىپ سەفۋاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ:

  • ئى سەفۋان! سەن مەككە رەھبەرلىرىدىن ۋە قۇرەيشلەرنىڭ ئەقىللىقلىرىدىن بىرى، سىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان تاشقا ئىبادەت قىلىش، قۇربانلىق قىلىش ئىشلىرىنى سەن ئەقىلگە ئۇيغۇن، دىن بولۇشقا لايىق دەپ ئويلامسەن؟ مەن بۇنى دىن بولۇشقا لايىق دەپ قارىمايمەن؛ مۇھەممەدنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلدىم، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن! - دېدى.

ئۆمەير مەككىدە تۇرۇپ كىشىلەرنى دىنغا چاقىرىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ تەشۋىقى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمان بولدى. ئاللاھ ئۆمەير ئىبنى ۋەھبىگە كۆپلەپ رەھمەت ئاتا قىلسۇن! ئۇنىڭ قەبرىسىنى نۇرلاندۇرۋەتسۇن ئامىن!

ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافە ئەسسەھمى

بۆلۈم: “ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافە ئەسسەھمى”

ھەربىر مۇسۇلمانننىڭ ئابدۇللاھنىڭ بېشىغا سۆيۈش مەجبۇرىيىتى بار! مەن بىرىنچى بولۇپ باشلايمەن!

  • ئۆمەر ئىبنى خەتتاب

بۇ ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى - ساھابىلەردىن بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافە ئەسسەھمى دەپ ئاتىلىدىغان كىشىدۇر.

ئىسلام دىنى ئابدۇللاھقا ئۆز زامانىسىدىكى دۇنيا رەھبەرلىرى بولغان، پارس پادىشاھى كىسرا ۋە رۇم پادىشاھى قەيسەر بىلەن كۆرۈشىشكە ۋە ئۇ ئىككى كىشىنىڭ ھەر بىرى بىلەن زامان ئەسلىمىسىدە ساقلانغان، تارىخ تىللىرىدا سۆزلىنىدىغان ھېكايىسىنىڭ قالدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.

ئۇنىڭ پارس پادىشاھى كىسرا بىلەن بولغان ھېكايىسى ھىجرەتنىڭ 6 ـ يىلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ساھابىلىرى ئىچىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى چەتئەل پادىشاھلىرىغا، ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتمەكچى بولغاندا يۈز بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مۇھىم ۋەزىپىنىڭ خەتىرىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. بۇ ئەلچىلەر بۇرۇن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان يىراق ئەللەرگە بارىدۇ، ئۇلار بۇ ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلمەيدۇ، پادىشاھلارنىڭ مىجەزىنى بىلمەيدۇ، مانا شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار بۇ پادىشاھلارنى دىنىنى تاشلاشقا، يۈز ئابرۇي ۋە مەنسىۋىدىن ئايرىلىشقا، تۈنۈگۈنكى ئەگەشكۈچىلىرى بولغان كىشىلەرنىڭ دىنىغا كىرىشكە چاقىرىدۇ.

بۇ ھەقىقەتەن بارغان ئادەم يوقالغان، قايتقان ئادەم يېڭىدىن تۇغۇلغان بولۇپ ھېسابلىنىدىغان مۈشكۈل سەپەردۇر، شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇدى، ھەمدۇسانا ۋە گۇۋاھلىق سۆزىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مەقسەتنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ــــ مەن سىلەردىن بەزىلىرىڭلارنى چەتئەل پادىشاھلىرىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتمەكچى، سىلەر ماڭا بەنى ئىسرائىل ئىسا ئىبنى مەريەمگە قارشى چىققاندەك قارشى چىقماڭلار! - دېدى. ئۇنىڭ ساھابىلىرى:

ــــ يا رەسۇلۇللاھ! خالىغان ئىشىڭنى ئادا قىلىشقا بىز تەييارمىز! بىزنى خالىغان يېرىڭگە ئەۋەتكىن! - دېيىشتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەب ۋە چەتئەل پادىشاھلىرىغا ئۆز مەكتۇبلىرىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن ساھابىلەردىن ئالتە كىشىنى تاللىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافە ئاشۇ ئالتە كىشىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ پارس پادىشاھى كىسراغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خېتىنى ئاپىرىشقا تەيىنلەندى.

ئابدۇللاھ ئۇلىغىنى تەييارلاپ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خوشلىشىپ، نىشانغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ھەمراھلىقىدا يالغۇز ھالدا تاغ ـ داۋانلاردىن ئېشىپ، ئويمان ـ ئازگاللاردىن ئۆتۈپ ئاخىرى پارس دىيارىغا يېتىپ باردى ـ دە، پادىشاھ دىيارىدا ئوردىغا كىرىشكە ئىجازەت سورىدى ھەم دەرۋازىۋەنگە ئېلىپ كەلگەن خەتنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزدى.

كىسرا ئوردىسىنى ئالاھىدە زىننەتلەپ پارس كاتتىلىرىنى مەجلىسكە كېلىشكە چاقىردى، ئۇلار كەلگەندىن كېيىن ئوردا ئىچى بىر خىل سۈرلۈك تۈسكە كىردى، ئاندىن ئەلچى ئابدۇللاھنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلدى.

ئابدۇللاھ پارس پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا ئاددىي ـ ساددا، توقۇلۇشى قوپال، ئەرەبلەرگە خاس كىيىم بىلەن كىردى، لېكىن ئۇنىڭ بېشى ئۈستۈن، قەددى تىكلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئىسلامنىڭ ئىززىتى چاقناپ، دىلىدا ئىماننىڭ كاتتىلىقى يالقۇنجاپ تۇراتتى، كىسرا ئۆز تەرىپىگە كېلىۋاتقان ئابدۇللاھنى كۆرۈشى بىلەنلا، قېشىدىكى خىزمەتچىلەردىن بىرگە ئۇنىڭ قولىدىكى خەتنى ئېلىشقا ئىشارەت قىلدى. ئابدۇللاھ:

ــــ ياق! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى بۇ خەتنى كىسرانىڭ ئۆز قولىغا بېرىشكە بۇيرۇغان، مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلمايمەن! - دېدى. كىسرا قېشىدىكى خىزمەتچىلەرگە:

ــــ ئۇنى قېشىمغا كەلگىلى قويۇڭلار!-دېدى.

ئابدۇللاھ كىسرانىڭ قېشىغا كېلىپ خەتنى كىسرانىڭ ئۆز قولىغا بەردى.

ئاندىن كېيىن كىسرا ھىرە ئەھلىدىن بولغان كاتىپىنى چاقىرىپ خەتنى ئۇرۇشقا بۇيرۇدى. خەت:

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن، پارس كاتتىسى كىسراغا، توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە سالام!…( دەپ باشلانغان ئىدى.

كىسرا خەتنى مۇشۇ يەرگىچە ئاڭلاپ، چەكسىز غەزەپكە كېلىپ يۈزى قىزىرىپ، چىكە ۋە گەدەن تومۇرلىرى كۆپۈپ كەتتى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەتنى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلىغان…

كىسرا خەتنى كاتىپنىڭ قولىدىن سىلكىپ تارتىۋېلىپ ئۇ خەتنى ئاخىرىنى ئوقۇمايلا يىرتىپ تاشلىدى ۋە ئۇ: «ماڭا مۇشۇنداقمۇ يازامدۇ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ قۇلۇم تۇرسا!» دەپ كايىشقا باشلىدى، ئاندىن ئابدۇللاھنى مەجلىستىن چىقىرىۋېتىشقا بۇيرۇدى.

ئابدۇللاھ كىسرانىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ياكى تىرىك قويىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى…

لېكىن ئۇ ئۇزۇن تۇرمايلا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خېتىنى جايىغا يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئەمدى نېمىلا ئەھۋال بولمىسۇن، پەرۋايىم ـ پەلەك» دېدى ـ دە، ئۇلىغىغا مىنىپ يۈرۈپ كەتتى. كىسرانىڭ ئاچچىقى بېسىلغاندا، ئابدۇللاھنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كىرىشكە بۇيرۇدى، لېكىن ئۇ تېپىلمىدى، ئۇنىڭ ئىز ـ دىرىكىنى ئالالمىدى، ئۇلار ئابدۇللاھنى ئەرەب ئارىلىدىكى يوللارغا قەدەر ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭ كېتىپ بولغانلىقىنى ئۇقتى، ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ كىسرانىڭ ئىشلىرىنى ۋە خەتنىڭ يىرتىپ تاشلانغىنىنى خەۋەر قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن!» دېدى ۋە باشقا گەپ ـ سۆز قىلمىدى.

ئەمما كىسرا، يەمەن ۋالىسى بازانغا: «ھىجازدا باش كۆتەرگەن بۇ ئادەمگە قېشىڭدىن كۈچلۈك ئىككى كىشىنى ئەۋەت! ئۇلار ئۇ ئادەمنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كەلسۇن!» دەپ خەت يازدى.

بازان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئىككى ئادەمنى خەت بىلەن ئەۋەتتى. خەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېچىكمەستىن كىسرا بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن كېلىشكە بۇيرۇق بېرىلگەن ئىدى…

بازان يەنە بۇ ئىككى كىشىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش ـ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىشنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرىدىن خەۋر بېرىشنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن مەلۇمات ئىگەللەشنى بۇيرۇغان ئىدى. بۇ ئىككىسى تېزلىكتە سەپەرگە ئاتلاندى. تائىف شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا تائىفتا قۇرەيشلىك سودىگەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇلاردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سورىدى. قۇرەيشلىكلەر:

  • ئۇ مەدىنىدە! - دەپ جاۋاب بېرىپ خاتىرجەم ھالدا مەككىگە ئىلگىرىلەپ كەتتى. ئۇلار قۇرەيش خەلقىنى تەبرىكلەپ، ـــ خۇشخەۋەر! ئېنىقكى، كىسرا مۇھەممەدكە قارشى تۇرۇپتۇ! سىلەردىن ئۇنىڭ يامانلىقىنى توسۇپتۇ! - دېگىلى تۇردى.

ھېلىقى ئىككىسى مەدىنە تەرەپكە يول ئالدى. ئۇ ئىككىسى مەدىنىگە بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈپ، بازاننىڭ خېتىنى بېرىپ:

  • پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى كىسرا، پادىشاھىمىز بازانغا سىزنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىشكە خەت يېزىپتۇ… بىز سىزنى ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق! ئەگەر سىز ماقۇل كۆرسىڭىز كىسراغا سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن سىزنى جازالىماسلىق توغرىسىدا سۆزلەپ قويىمىز، ئەگەر ئۇنىمىسىڭىز ئۇنىڭ ئاچچىقىنى، ئۇنىڭ ئازابىنىڭ يامانلىقىنى ئۇنىڭ سىز ۋە قەۋمىڭىزنى ھالاك قىلىۋېتىشتىكى قۇدرىتىنى سىز بىلىسىز! - دېۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبەسسۇم بىلەن ئۇ ئىككىسىگە:

ــــ بۈگۈن قايتىپ ئەتە كېلىڭلار!

بۈگۈنچە ياتىقىڭلاردا دەم ئېلىپ تۇرۇڭلار! ئەتە سۆزلىشەيلى! - دېدى. ئۇلار قايتىپ ئەتىسى كېلىشتى ۋە:

ــــ بىز بىلەن كىسرانىڭ قېشىغا بېرىشقا تەييارلىق قىلدىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىككىسىگە:

-سىلەر بۇنىڭدىن كېيىن كىسرا بىلەن كۆرۈشەلمەيسىلەر!… ئۇنى ئاللاھ ئۆلتۈرۈۋەتتى، مۇشۇ ئاينىڭ پالانى كۈنى ئۇنىڭ ئوغلى “شىرۋەيھ” نى ئۇنىڭ ئورنىغا رەھبەر قىلدى، - دېدى. ئۇ ئىككىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چەكچەيگىنىچە قاراپ قېلىشتى. يۈزلىرىدە ھەيرانلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولدى ـ دە:

ــــ سەن نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟! پادىشاھىمىز “بازان” قا مۇشۇنداق يازىمىزمۇ؟ - دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــــ شۇنداق! بازانغا «مۇھەممەد، روشەنكى مېنىڭ دىنىم كىسرانىڭ پادىشاھلىقى يېتىپ بارغان يەرلەرگىچە يېتىپ بارىدۇ! مۇسۇلمان بولساڭ قولۇڭدىكى خىزمەتنى ساڭا بېرىمەن، سېنى قەۋمىڭگە باشلىق قىلىمەن» دېدى، دەڭلار، - دەپ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى.

بۇ ئىككىسى بازاننىڭ قېشىغا كەلدى ـ دە، بازانغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. بازان

  • ئەگەر مۇھەممەدنىڭ گېپى راست بولسا، ئۇ راست پەيغەمبەر، ئەگەر يالغان بولسا ئىش ئالدىمىزدا، قانداقلىقىنى بىلىمىز! - دېدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي بازانغا شىرۋەيھنىڭ خېتى يېتىپ كەلدى، ئۇ خەتتە: «مەن كىسرانى ئۆلتۈرۋەتتىم! ئۇنى پەقەت خەلقىمىزنىڭ ئىنتىقامى ئۈچۈنلا ئۆلتۈردۈم! ئۇ خەلقىمىزنىڭ شەرەپلىك كىشىلىرىنى ئۆلتۈرۈش، ئاياللىرىنى دەپسەندە قىلىش، ماللىرىنى بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى، خېتىم بارغان ھامان قېشىڭدىكىلەر بىلەن بىرگە ماڭا بويسۇنغىن!» دېيىلگەن ئىدى.

بازان شىرۋەيھنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۇنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويدى ـ دە، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەمەن شەھىرىدىكى پارسلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولدى، مانا بۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافەنىڭ پارس پادىشاھى كىسرا بىلەن ئۇچراشقاندىكى ئاجايىپ ھېكايىسى.

ئۇنداقتا ئابدۇللاھنىڭ رۇم كاتتىسى قەيسەر بىلەن ئۇچرىشىشى قانداق بولغان ئىدى؟

بۇ ئىش، ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە بولغان بولۇپ، ئابدۇللاھنىڭ قەيسەر بىلەن بولغان قىسسىسىمۇ ئاجايىپ قىسسىلەردىن بىرى ئىدى.

ھىجرىيەنىڭ 19 ـ يىلى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رۇمغا قارشى ئەسكەر چىقاردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇللاھمۇ بار ئىدى… رۇم پادىشاھى قەيسەرگە مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ خەۋەرلىرى، ئىماننىڭ راستلىقى، ئەقىدىنىڭ پۇختىلىقى، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ يولىدا جېنىنى ئايىماسلىق، قاتارلىق سۈپەتلىرى يېتىپ بارغان ئىدى.

قەيسەر، ئەسكەرلىرىگە: ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسى ئەسىر بولۇپ قولغا چۈشسە، ئۇنى قويىۋەتمەستىنلا ئۆزىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغان ئىدى. ئاللاھ ئابدۇللاھنىڭ رۇملۇقلار قولىغا ئەسىر بولۇپ چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدى. ئۇلار ئابدۇللاھنى پادىشاھ قېشىغا بۇ مۇھەممەدنىڭ دىنىغا دەسلەپ كىرگەن كىشىلەرنىڭ بىرى! دەپ ئېلىپ كېلىشتى. قەيسەر ئابدۇللاھقا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:

  • تېزلان! مەن ساڭا بىر شەرت قويىمەن! - دېدى.

  • ئۇ نېمە شەرت؟ دەپ سورىدى ئابدۇللاھ.

  • مەن ساڭا خرىستىئان بولۇشنى شەرت قىلىمەن! ئەگەر خرىستىئان بولساڭ سېنى قويۇپ بېرىمەن! مەنسىپىڭنى ئۆستۈرىمەن! - دېدى.

  • ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ماڭا نىسبەتەن سەن تەلەپ قىلغان نەرسىدىن ئۆلۈم مىڭ مەرتىبە ياخشى! دېدى ئابدۇللاھ مەنسىتمەستىن.

  • سەن پاراسەتلىك ئادەمدەك قىلىسەن! ئەگەر سەن مەن ئوتتۇرىغا قويغان شەرتنى قوبۇل قىلساڭ ئىشلىرىمغا شېرىك قىلىمەن!

پادىشاھلىقىمنى بۆلۈپ بېرىمەن!

كىشەنلەنگەن ئابدۇللاھ كۆلۈپ تۇرۇپ:

ــــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن ماڭا مەن كۆرگەن، بىلگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىنى بەرسەڭمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىن كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىت ئۈچۈن بولسىمۇ قايتمايمەن! - دېدى

ــــ ئۇنداقتا سېنى ئۆلتۈرىمەن! - دېدى.

ــــ خالىغىنىڭنى قىل! - دېدى ئابدۇللاھ.

قەيسەر بۇيرۇق قىلىپ ئابدۇللاھنى دارغا ئاستۇردى ۋە ئاتارمەنلىرىگە رۇم تىلىدا:

  • ئۇنىڭ قولىغا يېقىن ئېتىڭلار! - دېدى ۋە ئۇنى خرىستىئان بولۇشقا زورلىدى. ئابدۇللاھ قەتئىي ئۇنىمىدى. قەيسەر يەنە ئۇنىڭ پۇتىغا يېقىن ئېتىشقا بۇيرۇدى ۋە ئۇنى خرىستىئان بولۇشقا قىستىدى. ئابدۇللاھ ئۇنىمىدى. بۇ چاغدا قەيسەر ئاتارمەنلىرىنى توختاشقا بۇيرۇپ، - ئابدۇللاھنى داردىن چۈشۈرۈڭلار! - دېدى ـ دە، چوڭ بىر قازاننى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى ياغ بىلەن توشقۇزۇپ ئۇچاققا ئوت يېقىشقا بۇيرۇدى، قازاندىكى ياغ قاينىدى. قەيسەر بۇيرۇق قىلىپ، مۇسۇلمان ئەسىرلەردىن ئىككىنى قازاندىكى ياغقا تاشلاتقۇزدى. ئۇلارنىڭ گۆشلىرى كاۋاب بولۇپ، سۆڭەكلىرى يالىڭاچلىنىپ قالدى. ئاندىن قەيسەر ئابدۇللاھنى خرىستىئان بولۇشقا قىستىدى. لېكىن ئابدۇللاھ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك چىڭ تۇردى.

قەيسەر، ئابدۇللاھتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئۇنىمۇ قازان قېشىغا ئېلىپ كەلگەندە، ئابدۇللاھ ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتتى. قەيسەرنىڭ ئادەملىرى قەيسەرگە، «ئۇ يىغلىدى!» دەپ يەتكۈزدى. قەيسەر ئابدۇللاھنى ئۆلۈمدىن قورقۇپ يىغلىغان چېغى، دەپ گۇمان قىلىپ، ئۇنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئابدۇللاھ قەيسەرنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى يەنە خرىستىئان بولۇشقا قىستىدى. ئابدۇللاھ ئۇنىمىدى. قەيسەر:

  • ۋاي ئىسىت ساڭا! باياتتىن سەن نېمىگە يىغلىغان ئىدىڭ؟ - دەپ سورىدى.

  • مېنى يىغلاتقىنى مەن ئۆز ـ ئۆزۈمگە: «سەن ھازىر قازانغا تاشلىنىسەن! سېنىڭ جېنىڭ ئاللاھ تەرەپكە كېتىدۇ!» دېدىم ۋە بەدىنىمدىكى تۈكنىڭ باراۋىرىدە، بىردىن جېنىم بولغان بولسا، ئۇنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھ يولىدا مۇشۇ قازانغا تاشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ يىغلىدىم! - دېدى.

  • سەن مېنىڭ بېشىمغا سۆيۈپ قويساڭ، مەن سېنى ۋە قولۇمدىكى بارلىق مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىمەن! - دېدى.

ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى، مەن بۇنىڭ بېشىغا سۆيۈپ قويىمەن، ئۇ مېنى ۋە بارلىق مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ، ماڭا زىيان يوق! دەپ ئويلىدىم.»

ئابدۇللاھ قەيسەرگە يېقىن كېلىپ بېشىغا سۆيۈپ قويدى، رۇم پادىشاھى بارلىق مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى يىغىپ، ئابدۇللاھقا تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى. ئۇلار تاپشۇرۇلدى.

ئابدۇللاھ، ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا، بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئۆمەر ئابدۇللاھتىن بەك خۇرسەن بولدى ۋە بارلىق ئەسىرلەرگە قاراپ:

  • ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئابدۇللاھنىڭ بېشىغا سۆيۈش مەجبۇرىيىتى بار! مەن ئاۋۋال سۆيۈشنى باشلايمەن!… - دېدى ـ دە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىغا سۆيۈپ قويدى…

تۇفەيل ئىبنى ئەمرۇد دەۋسى

بۆلۈم: “تۇفەيل ئىبنى ئەمرۇد دەۋسى”

ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ نىيەت قىلغان ياخشىلىقىغا ياردەم بېرىدىغان بىر پاكىت قىلىپ بەرگىن!

  • مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

تۇفەيل جاھىلىيەت دەۋرىدە دەۋس قەبىلىسىنىڭ كاتتىۋېشى، ئەرەبلەرنىڭ ئېسىل، شەرەپلىك كىشىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا جاھىلىيەتتىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنگەن بىر قانچە ساھابىلەردىن بىرى ئىدى.

ئۇنىڭ قازىنى ئوچىقىدىن چۈشمەيتتى، يول تەرەپكە قارىغان ئىشىكى تاقالمايتتى، ئۇ ئاچلارغا تائام بېرەتتى، قورققانلارغا ئەمىنلىك ئاتا قىلاتتى، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھۇشيار، چىچەن، ھېس ـ تۇيغۇسى ئويغاق، سېزىمى ئۆتكۈر، سۆزىنىڭ شېرىن ـ چۈچىمەللىكى پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەدىب ۋە شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى جەلبكارلىققا ئىگە ئىدى.

تۇفەيل تۇھامە تېغىدىكى قەۋملىرىدىن ئايرىلىپ، مەككىگە يول ئالدى. ئۇرۇش تۈگمىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرەيش كاپىرلىرى ئوتتۇرىسىدا چۆگىلەۋاتاتتى. ھەر ئىككىلا تەرەپ ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز گۇرۇھلىرىغا ياردەمچىلەرنى چاقىراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ھەقىقەتكە چاقىراتتى. ئۇنىڭ قورالى ھەق بىلەن ئىمان ئىدى. قۇرەيش كاپىرلىرى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا بارلىق ۋاسىتىلار بىلەن قارشى تۇراتتى. بارلىق قەبىھ ۋاسىتىلار بىلەن كىشىلەرنى توغرا يولدىن توساتتى.

تۇفەيل ئۆزىنىڭ بۇ ئۇرۇشقا تەييارلىقسىز كىرىپ قالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا مەقسەتسىز قاتنىشىۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئۇ مەككىگە بىرەر غەرەزدە كەلمىگەن ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ياكى قۇرەيش كاپىرلىرىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئىشلىرى، ھەر قانداق ئەھۋالدا بولسۇن كۆڭلىگە كىرىپمۇ چىقمايتتى.

بۇ يەردە مۇشۇ ئۇرۇش بىلەن بىرگە تۇفەيلنىڭ ئۇنتۇلمايدىغان بىر ھېكايىسى بار بولۇپ، ئۇ ناھايىتى قىزىق ھېكايىلەردىن بىرى، تۇفەيل بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

مەن مەككىگە كەلدىم، قۇرەيش كاتتىۋاشلىرى مېنى كۆرۈشى بىلەنلا ئالدىمغا چىقىپ مېنى ئالاھىدە كۈتۈۋالدى، ئېسىل ئورۇنلاردا ئولتۇرغۇزۇپ دېدىكى:

ــــ ئى تۇفەيل! سەن شەھىرىمىزگە قەدەم باستىڭ! ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى بۇزدى، بىرلىكىمىزنى پارچىلىدى، بىز بىزگە كەلگەن ئىشلارنىڭ ساڭا ۋە خەلقىڭ ئىچىدىكى ھوقۇقۇڭغا، كېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز، سەن بۇ ئادەمگە سۆزلىمىگىن! ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاقمۇ سالمىغىن! ئۇنىڭ سېھىر قىلغۇدەك سۆزلىرى بار بولۇپ، ئاتا بىلەن بالىنىڭ، بىر تۇغقان بىلەن بىر تۇغقاننىڭ، ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىۋېتىدۇ! - دېدى.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ماڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيران قالارلىق خەۋەرلىرىنى توختىماستىن سۆزلەپ بەردى، مېنى ۋە خەلقىمنى ئۇنىڭ ئىش ـ ھەرىكەتلىرىدىن قورقۇتتى، ھەتتا مېنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشماسلىققا، ئۇنىڭغا سۆزلىمەسلىككە، ئۇنىڭدىن سۆز ئاڭلىماسلىققا چاقىردى، مەن كەئبىنى تاۋاپ قىلغىلى (بىز چوقۇنىدىغان ۋە تاۋاپ قىلىدىغان بۇتلىرىمىزغا باش قويغىلى) كەلگىنىمدە، قۇلىقىمغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنىڭ كىرىپ قېلىشىدىن قورقۇپ قۇلىقىمغا پاختا تىقىۋالدىم. لېكىن، مەسجىدكە كىرىشىم بىلەنلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزنىڭ نامىزىمىزغا ئوخشىمايدىغان نامازنى ئوقۇپ تۇرغانلىقىنى ۋە بىزنىڭ ئىبادىتىمىزگە ئوخشىمايدىغان ئىبادەتنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى مېنى ئەسىرگە ئېلىۋالدى، ئۇنىڭ ئىبادىتى مېنى قىزىقتۇردى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا ئاستا ـ ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، يېقىن بېرىپ قالغانلىقىمنى سەزدىم. ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى، مەن شۇنداق چىرايلىق بىر سۆزنى ئاڭلىدىم ۋە كۆڭلۈمدە دېدىمكى: ‹ھەي! ئۆلگۈر تۇفەيل!…

سەن ئۇستا شائىر، ساڭا سەتلەر ئىچىدىكى چىرايلىقى يوشۇرۇلۇپ قالالمايدۇ، سېنىڭ بۇ ئادەم دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ بېقىشىڭغا نېمە توسقۇنلۇق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ سۆزى ياخشى بولسا قوبۇل قىلارسەن، يامان بولسا تاشلاپ قويارسەن!›

تۇفەيل يەنە مۇنداق دەيدۇ:

بۆلۈم: “تۇفەيل يەنە مۇنداق دەيدۇ:”

«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتقۇچە كۈتۈپ تۇرۇپ، قايتقىنىدا ھويلىسىغا كىرگۈچە ئەگەشتىم، ئاندىن:

ــــ ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭ ماڭا سەن توغرۇلۇق نۇرۇغۇن گەپلەرنى قىلدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مېنى داۋاملىق سېنىڭ ئىشىڭ توغرىسىدا قورقىتىۋەرگەچكە، ئاخىرى مەن سۆزۈڭنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن قۇلىقىمنى پاختا بىلەن ئېتىۋالغان ئىدىم. ئاللاھ قۇلىقىمغا بىر سۆزنى كىرگۈزدى، مەن ئۇنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق سۆز ئىكەنلىكىنى سەزدىم. ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ماڭا بايان قىلغىن! - دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا سۈرە فەلەق بىلەن سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇپ بەردى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن چىرايلىق سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئىشىدەك ئادىل ئىشنى كۆرۈپ باقمىغان، مەن بۇ ۋاقىتتا قولۇمنى يېيىپ، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئىسلام دىنىغا كىردىم.»

تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ:

بۆلۈم: “تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ:”

مەن مەككىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ ئىسلام قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگەندىم قۇرئاندىن مەلۇم قىسمىنى ياد ئالدىم، مەن خەلقىم قېشىغا قايتماقچى بولغىنىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:

ــــ يا رەسۇلۇللاھ! مەن يۇرتۇمدا سۆزۈم ئۆتىدىغان ئادەم، مەن ئۇلارنىڭ قېشىغا قايتىپ ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا چاقىرماقچى، ئاللاھ تائالاغا ئۇلارنى چاقىرغان ئىشتا ماڭا ياردەم بېرىدىغان پاكىت قىلىپ بېرىشكە دۇئا قىلساڭ! - دېدىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــــ ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا پاكىت قىلىپ بەرسەڭ! - دەپ دۇئا قىلدى.

مەن قەۋمىمنىڭ قېشىغا بېرىپ ئېگىز بىر يەرگە چىقتىم، بۇ ۋاقىتتا ئىككى كۆزۈمنىڭ ئوتتۇرىسدا چىراققا ئوخشاش بىر نۇر پەيدا بولدى، مەن شۇئان:

ــــ ئى ئاللاھ! بۇ نۇرنى يۈزۈمدىن باشقا ئورۇندا قىلساڭ! ھەقىقەتەن مەن ئۇلارنىڭ بۇ نۇرنى، ئۇلارنىڭ دىنىدىن ئايرىلغانلىقىم ئۈچۈن يۈزۈمگە چۈشكەن ئازاب، دەپ خاتا گۇمان قىلىشىدىن قورقىمەن، دېيىشىم بىلەن نۇر يۆتكىلىپ قامچامنىڭ دەستىسىگە چۈشتى.

مەن ئېگىز جايدىن كەنتكە چۈشتۈم كىشىلەر قامچامدىكى ئېسىقلىق پانۇسقا ئوخشاش يېنىپ تۇرغان نۇرنى كۆرۈشكە باشلىدى، ئۆيگە كەلسەم دادام قېشىمغا كەلدى، دادام ياشىنىپ قالغان ئىدى، مەن دادامغا:

ـــــ سىز مەندىن يىراق تۇرۇڭ! مەن سىزگە ئوخشىمايمەن، سىزمۇ ھەم ماڭا ئوخشىمايسىز! - دېدىم.

ــــ نېمىشقا ئوغلۇم!؟ دېدى دادام تەئەججۈپ بىلەن.

ــــ مەن مۇسۇلمان بولدۇم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنغا ئەگەشتىم، - دېدىم.

ــــ ئوغلۇم! سېنىڭ دىنىڭ مېنىڭ دىنىم! - دېدى دادام.

ــــ سىز بېرىپ يۇيۇنۇڭ! كىيىمىڭىزنى پاكىزلاپ قېشىمغا كېلىڭ! مەن سىزگە ئۆگەنگىنىمنى ئۆگىتىپ قوياي! - دېدىم. دادام بېرىپ يۇيۇنۇپ، كىيىملىرىنى پاكىزلاپ كەلدى، مەن دادامغا ئىسلام دىنىنى بايان قىلدىم، دادام مۇسۇلمان بولدى، ئاندىن قېشىمغا ئايالىم كەلدى، مەن ئۇنىڭغىمۇ:

ــــ مەندىن يىراق تۇرۇڭ! مەن سىزگە ئوخشىمايمەن، سىزمۇ ماڭا ئوخشىمايسىز! - دېۋېدىم، ئايالىم:

ــــ نېمىشقا؟ ئاتا ـ ئانام پىدا بولۇپ كەتسۇن! زادى نېمىشقا؟! - دەپ سورىدى.

ــــ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئىسلام ئايرىپ تۇرىدۇ. مەن مۇسۇلمان بولدۇم! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم!

ــــ سىزنىڭ دىنىڭىز مېنىڭ دىنىم!

  • دېدى ئايالىم

ــــ سىز بېرىپ «زى شىرا»نىڭ سۈيىدە يۇيۇنۇپ كېلىڭ! -دېدىم مەن.

ــــ ئاتا ـ ئانام پىدا بولۇپ كەتسۇن! سىز زى شىرادىن ماڭا زىيان يېتىپ قېلىشىدىن قورقمامسىز؟! - دەپ سورىدى ئايالىم تەشۋىش بىلەن.

مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ:

ــــ ھەي ئاخماق! قۇرۇپ كەتسۇن! ئۇنداق زى شىرا، مەن سىزگە كىشىلەردىن يىراق ئورۇنغا بېرىپ يۇيۇنۇڭ! دېدىم، مەن بۇ گاس تاشنىڭ سىزگە زىيان سالالمايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىمەن! - دېدىم.

ئايالىم بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلدى، مەن ئىسلام دىنىنى بايان قىلدىم، ئۇمۇ مۇسۇلمان بولدى.

مەن دەۋس قەبىلىسىنى ئىسلامغا چاقىردىم، ئەبۇھۇرەيرەدىن باشقىسى مۇسۇلمان بولغىلى ئۇنىمىدى، ئەبۇھۇرەيرە مۇسۇلمان بولۇشتا كىشىلەرنىڭ ئەۋەلقىسى بولدى.

تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ: مەن مەككىگە رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلدىم، مەن بىلەن ئەبۇھۇرەيرە بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ـــــ تۇفەيل! خەلقىڭ قانداقراق قالدى؟ - دەپ سورىدى.

ــــ دىللىرى ھەقنى كۆرۈشتىن پەردىلەنگەن ۋە قاتتىق كۇفرىلىق ئىچىدە قالدى، ھەقىقەتەن دەۋس قەبىلىسىگە پاسىقلىق ۋە ئىسيانكارلىق غەلىبە قىلىپ كەتتى، - دېدىم مەن.

بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئالدى ۋە ناماز ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈردى، ئەبۇھۇرەيرە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

مەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەۋمىمنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلسا، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئۆز ـ ئۆزۈمگە:

ـــــ ئاھ! خەلقىم!… - دەۋەتتىم.

لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېيىشكە باشلىدى:

  • ئى ئاللاھ! دەۋس قەبىلىسىنى توغرا يولغا باشلىغىن!…، - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قاراپ، - سەن قەۋمىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇلار بىلەن قويۇق ئارىلاشقىن! ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغىن! - دېدى.

ئەبۇ ھۇرەيرە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ:

بۆلۈم: “ئەبۇ ھۇرەيرە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ:”

مەن دۋەس قەبىلىسىگە چۈشۈپلا ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىردىم، بۇ مەزگىلدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجىرەت قىلدى، بەدىر، ئوھۇد، خەندەك ئۇرۇشلىرىمۇ ئۆتۈپ كەتتى، مەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا مۇسۇلمانلىقى كامالەتكە يەتكەن كىشىدىن 80 ئۆيلۈك كىشى بىلەن بىللە باردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزدىن خۇرسەن بولدى ۋە بىزگىمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە خەيبەر ئۇرۇشىنىڭ غەنىمەتلىرىدىن بۆلۈپ بەردى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:

ــــ ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنى سەن ئېلىپ بارغان ھەر قانداق غازاتتا ئوڭ قانىتىڭ قىلساڭ! بىزنى ‹مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچىلار› دەپ ئاتىساڭ! - دېدۇق.

تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ:

بۆلۈم: “تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ:”

ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەككىنى پەتھى قىلىپ بەرگۈچە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە تۇردۇم ۋە

  • يا رەسۇلۇللاھ! مېنى ئەمر ئىبنى ھەمەمەنىڭ ‹زىلكىفىن› دېگەن بۇتىنىڭ قېشىغا ئەۋەتسەڭ! مەن ئۇنى كۆيدۈرەي! - دېدىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا رۇخسەت قىلدى. مەن قەۋمىمدىن 40 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ يۈرۈپ كەتتىم، بىز بۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى كۆيدۈرۈشنى مەقسەت قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئەرلەر، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار يىغىلىپ، بۇت تەرەپتىن بىزگە بىرەر ئازابنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكىنىچە قاراپ تۇرۇشاتتى. بىز زەنجىر شەكلىدە بولۇپ تۇردۇق. مەن شېئىر ئوقۇغاچ، بۇتپەرەسلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنىدىغان ئورۇندا تۇرۇپ، بۇتنىڭ يۈرىكىگە ئوت ياقتىم:

ئەمەسمەن مۇخلىسىڭ ھەرگىز، ئەي زۇلكىفىن، جانسىز بۇت!

بېرەلمەيسەن كىشىگە نە زۇلۇم، كۈلپەت، ۋە ياكى قۇت!

ياسالدىڭ بىز كەبىلەردىن، يارالدۇق بىز ئاۋۋال سەندىن،

ئىلاھ بولساڭ يارالماستىڭ، دېيەرىڭ بارمىدۇر ياھۇت؟

ئىبادەت خاس ياراتقانغا، يارالغانغا نېمە قۇللۇق؟

قېنى قۇتقاز ئۆزۈڭنى قۇدرىتىڭ يەتسە، ياقايمەن ئوت!

تۇفەيل شۇنىڭدىن كېيىن تاكى رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغانغا قەدەر رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە تۇردى. خەلىپىلىكتە ئەبۇبەكرى ئولتۇرغان ۋاقىتتا تۇفەيل ئۆزىنى، قىلىچىنى ۋە بالىسىنى خەلىپىنىڭ ئىشىلىتىشىگە تاپشۇردى، مۇسەيلىمەگە قارشى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ماڭدى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەمرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. تۇفەيل يەمامە يولىدا كېتىۋېتىپ بىر چۈش كۆردى، ئاندىن ھەمسۆھبەتلىرىگە:

ــــ مەن! بىر چۈش كۆرۈپتىمەن، ماڭا ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار! دېدى ـ دە، چۈشىنى بايان قىلدى، ـــ مەن چېچىمنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، ئېغىزىمدىن بىر قۇشنىڭ ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى، بىر ئايالنىڭ مېنى قورسىقىغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىنى، ئوغلۇمنىڭ مېنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، لېكىن ئوغلۇم بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا توسالغۇ پەيدا بولغانلىقىنى كۆردۈم! - دېدى.

  • ياخشى چۈش كۆرۈپسەن، - دېيىشتى ھەمسۆھبەتلىرى.

ــــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭغا تەبىر بېرىپ بولدۇم، - دېدى تۇفەيل، ــــ چېچىمنىڭ چۈشۈرۈلۈشى بولسا بېشىمنىڭ تىنىمدىن جۇدا قىلىنىپ كېسىلىشىدۇر، ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەن قۇش جېنىمدۇر، مېنى قورسىقىغا كىرگۈزىۋالغان ئايال زېمىن بولۇپ ئۇ كولىنىپ، مەن ئۇنىڭغا دەپنە قىلىنىمەن… مەن شېھىت بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. ئوغلۇمنىڭ مېنى تەلەپ قىلغانلىقى مەن يېقىندا نېسىپ قىلىنىدىغان شېھىتلىكنى ئۇمۇ خالايدۇ. لېكىن، ئۇ شېھىتلىكنى مەندىن كېيىن تاپىدۇ.

يەمامە ئۇرۇشىدا ئۇلۇغ ساھابە تۇفەيل تاكى شېھىت بولغۇچە قاتتىق ئۇرۇشتى. ئەمما ئوغلى ئەمر يارىسى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرغۇچە ئۇرۇش قىلدى، ئۇنىڭ ئوڭ قولىنىڭ ئالقىنى كېسىپ تاشلاندى، ئۇ يەمامە زېمىندا ئاتىسى بىلەن قولىنى تاشلاپ قويۇپ مەككىگە قايتتى.

ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە، بۇ خەلىپە قېشىغا ئەمر كىرىپ كەلدى، بۇ چاغدا ئۆمەرنىڭ قېشىغا تاماق كەلتۈرۈلدى، كىشىلەر ئۆمەرنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇشقان ئىدى، ئۆمەر جامائەتنى تاماققا چاقىردى، ئەمر ئۇ تاماقتىن يىراق تۇردى، ئۆمەر ئۇنىڭغا:

ــــ نېمە بولدى؟! ئېھتىمال سەن قولۇڭدىن خىجىل بولۇپ تاماقتىن يىراق تۇرىۋاتقانسەن، -دېدى ئۆمەر، ــــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن بۇ تاماقنى ئاشۇ كېسىلگەن قولۇڭ بىلەن يېمىگۈچە مەنمۇ يېمەيمەن! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كىشىلەر ئىچىدە بىر پارچىسى جەننەتتە تۇرغان كىشىلەردىن سەنلا بار!…

ئۆمەر يۇقىرىقى سۆزى بىلەن ئەمرىنىڭ جەڭدە كېسىلگەن قولىنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

ئەمر ئاتىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كۆڭلىدە، شېھىت بولۇشنىڭ ئىشتىياقى يالقۇنجايتتى، يەرمۇك ئۇرۇشى بولغاندا ئەمر ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇشقا چىقتى ۋە ئاتىسى ئۇنى ئۈمىدلەندۈرگەن شېھىتلىككە ئېرىشكۈچە ئۇرۇش قىلدى.

ئاللاھ، تۇفەيل ئىبنى ئەمرۇد دەۋسىغا رەھىم قىلسۇن! ئۇ شېھىت ۋە شېھىتنىڭ ئاتىسى ئىدى.

ئەبۇ مۇسا بەسرەگە ۋالىي بولۇپ بارغان چاغدا، شەھەر ئاھالىسىنى يىغىپ، ئۇلارغا:

  • مۆئىمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر مېنى سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئۆگىتىشكە ۋە يوللىرىڭلارنى تازىلاپ بېرىشكە ئەۋەتتى، - دېدى. كىشىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلىشتى. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمان ھاكىملارنىڭ ئۆز خەلقىگە ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى چۈشىنەتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ يول تازىلاش ۋەزىپىسى بارلىقى كىشىلەرگە غەيرىي تۇيۇلغان ۋە ئۇلارنى ئەجەبلەندۈرگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇ توغرۇلۇق:

  • بەسرەگە ئەبۇ مۇسادىن ياخشىراق بولغان، پۇقرالىرىغا كۆيۈنىدىغان ئىككىنچى بىر ۋالىي كېلىپ باقمىدى، - دېگەن ئىدى.

ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇللا ئىبنى قەيس بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇندىنلا ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى دەپ ئاتالغان ئىدى. ئۇ مەككىدە نەزەر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، كىشىلەرنى پەقەت بىر ئاللاھقىلا چوقۇنۇشقا چاقىرىدىغان، گۈزەل ئەخلاقلارغا بۇيرۇيدىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، ئانا يۇرتى يەمەندىن دەرھال مەككىگە يېتىپ كەلدى. مەككىدە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭدىن قۇرئان ۋە ئىسلامنى ئۆگەندى. ئاندىن يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلدى. ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىللىق ھاياتى توغرۇلۇق بىزدە ئېنىق مەلۇمات يوق. خەيبەر غازىتى ئاياغلىشىش بىلەنلا، ئۇ مەدىنىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ مەدىنىگە قايتىپ كېلىشى دەل جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەبەشىستاندىن قايتىپ كەلگەن ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇشال ـ خۇراملىق ئىچىدە قارشى ئالدى.

ئەبۇ مۇسا يەمەندىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان 50 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن مەدىنىگە كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشى ئەبرەھەم ۋە ئەبۇ بۇردەلەرمۇ بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بىر توپ ئادەملەرنى «ئەشئەرىيلەر» دەپ ئاتىدى، ھەتتا ئۇ بەزىدە بارلىق يەمەنلىكلەرنى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىينىڭ نامى بويىچە «ئەشئەرىيلەر» دەپ ئاتايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم ئۇ بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي تەبىئىتىنى ماختايتتى ۋە باشقا ساھابىلەرنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئىش ـ پائالىيەتلىرىنى ئۈلگە قىلىشقا چاقىراتتى. ئۇ بىر قېتىم ئۇلار توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئەگەر ئەشئەرىيلەر بىرەر غازاتقا ياكى سەپەرگە بارسا، گەرچە يەيدىغان نەرسىسى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنى بىر پارچە رەختنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئاندىن ئۆزلىرى ئارىسىدا تەڭ تەقسىم قىلىدۇ، جەزمەنكى ئۇلار - مەندىن؛ مەن - ئۇلاردىن.»

ئەبۇ مۇسا مۇسۇلمانلار جامائەسى ئىچىدە ناھايىتى تېزلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئېسىل خىسلەتلىرى بار ئىدى. ئۇ تۇغما تالانتلىق ئىسلام فىقھىشۇناسى (قانۇنشۇناس) بولۇپ، مەسىلىلەرگە ناھايىتى توغرا ھۆكۈم چىقىراتتى. شۇڭلاشقا دەسلەپكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قازىلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. كىشىلەر دائىم:

  • بۇ ئۇممەتنىڭ ئىچىدە قازىلار تۆت: ئۆمەر، ئەلى، ئەبۇ مۇسا ۋە زەيد ئىبنى سابىت، - دېيىشەتتى.

ئەبۇ مۇسا مۇلايىم، چىقىشقاق ئادەم ئىدى. ئۇ ناھايىتى ئىشەنچلىك ئادەم بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.

ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇ قورقماس، چىداملىق ۋە ماھارىتى ئۈستۈن باتۇر ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن ئىدى:

  • چەۋەندازلارنىڭ ئۇستىسى - ئەبۇ مۇسا.

ئەبۇ مۇسانىڭ كەڭ نەزەر دائىرىسى ۋە مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىشتىكى قابىللىقى بىلەن ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەرگە ھەرگىزمۇ ئالدانمايتتى. ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئېنىق كۆزىتىپ، ئاندىن قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ باراتتى. ئەبۇ مۇسا بىر قېتىم ساسانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتىدىغان مۇسۇلمانلار ئارمىيىسىگە قوماندان بولدى. ئىسفاھاندا كىشىلەر ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ، تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن جىزىيە تۆلەشكە كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار جىزىيەنى سەمىمىي ـ ساداقەت بىلەن بەرگەن بولماستىن، بەلكى مۇسۇلمانلارغا ۋەھشىي ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتى ئىزدەپ بەرگەن ئىدى. ئەبۇ مۇسا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى چۈشىنىپ، ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆردى. شۇڭلاشقا ئىسفېھانلىقلار ھۇجۇم قوزغىغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ باشلىقى قىلچە ھۇدۇقماستىن، شۇ تەييارلىق بويىچە مۇسۇلمانلارنى جەڭگە ئۇيۇشتۇردى، ئەتىسى چۈشكە قالماي ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

كۈچلۈك ساسانىيە ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئاساسلىق ئۇرۇشلاردا، ئەبۇ مۇسا ئاساسلىق رول ئوينىغان، بولۇپمۇ مەشھۇر تۇستەر غازىتىدا ئۇ ھەربىي قوماندان بولۇپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان ئىدى. پېرىسىيە قوماندانى ھورمۇزان ئۆزىنىڭ ساناقسىز قوشۇنلىرىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىنىۋاتقان تۇستەر شەھىرىگە چېكىندۈردى. خەلىپە ئۆمەر دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ كۈچىگە سەل قارىماي، قاتتىق تەربىيە ئالغان جەڭگىۋار بىر قوشۇن تەشكىللەپ ھورمۇزانغا قارشى ئەۋەتتى. مۇسۇلمانلار ئارمىيىسى ئىچىدە جەڭگە پىشقان پېشقەدەم ساھابىلەردىن ئەممار ئىبنى ياسىر، بەرا ئىبنى مالىك ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەنەس، مەجرائە بەكرى ۋە سەلەمە ئىبنى راجە قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۆمەر قوشۇنغا ئەبۇ مۇسانى قوماندان قىلدى. تۇستەر قاتتىق مۇداپىئە قىلىنغاچقا، شەھەرنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىش مۇمكىن بولمىدى، شەھەر قاتمۇ ـ قات مۇھاسىرە قىلىندى. نۇرغۇنلىغان ھۇجۇملار پەقەت شەھەر سېپىلىدا يوچۇق، كامارلارنىلا پەيدا قىلالىدى. ئۇزۇن داۋاملاشقان جاپالىق مۇھاسىرە مۇسۇلمانلارنىمۇ ھالسىرىتىپ قويدى. خۇددى بەرا ئىبنى مالىكنىڭ ۋەقەلىكىدە تىلغا ئالغىنىمىزدەك، پېرسىيەلىكلەر قەلئە تاملىرىدىن ئۇچلىرىغا چوغدەك قىزىتىلغان ئۆتكۈر پولات قارماقلار ئېسىلغان زەنجىرلەرنى تاشلاشقا باشلىدى. مۇسۇلمانلار قارماقلارغا ئىلىنىپ قالغۇدەكلا بولسا، قارماق ئۇلارنى قەلئەگە كۆتۈرۈپ كېتەتتى، ئۇلار ئۆلەتتى ياكى چالا ئۆلۈك بولاتتى. ئەبۇ مۇسا بارغانسېرى چىدىغۇسىز دەرىجىدە بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ ھالەت گىرداۋىدىن پەقەت ھىيلە ـ نەيرەڭ ۋە تاكتىكا ئارقىلىقلا قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندى. بەختىگە يارىشا دەل شۇ چاغدا بىر پېرسىيەلىك مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا ئەل بولۇپ كەلدى. ئەبۇ مۇسا ئۇنى سېپىلنىڭ ئارقىسىدىن شەھەرگە قايتىپ، ئامال قىلىپ شەھەر دەرۋازىسىنى ئىچىدىن ئېچىپ بېرىشكە كۆندۈردى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاھىدە تاللانغان كىچىك بىر قوشۇننى ئەۋەتتى. ئۇلار ۋەزىپىنى غەلىبىلىك ئورۇنلاپ، دەرۋازىنى ئېچىۋېتىپ، ئەبۇ مۇسانىڭ ئارمىيىسىگە يول ئاچتى. بىر نەچچە سائەت ئىچىدە شەھەر ئىشغال قىلىندى.

گەرچە ئەبۇ مۇسا قورقماس، كۈچلۈك پالۋان بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇش مەيدانىدىن ئايرىلسىلا، ناھايىتى سەۋرچان ۋە كۆپ يىغلايدىغان ئادەم ئىدى. شۇنداق چاغلاردا ئۇ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرەك ـ باغرىنى ئېزىدىغان تولىمۇ مۇڭلۇق ئاۋازدا قۇرئان تىلاۋەت قىلاتتى.

ئۇنىڭ تەسىرلىك ۋە يېقىملىق قىرائىتى توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ئىدى:

  • ھەقىقەتەن ئەبۇ مۇساغا داۋۇدنىڭ نەيلىرىدىن بىرسى بېرىلگەن.

ئوخشاشلا، ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇ دائىم ئەبۇ مۇسانى چاقىرىپ، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن تىلاۋەت قىلدۇراتتى ۋە مۇنداق دەيتتى:

  • ئى ئەبۇ مۇسا، پەرۋەردىگارىمىزغا بولغان تەشنالىقىمىزنى قاندۇرغىن.

ئۆزىنى قۇرئان كەرىمگە بېغىشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە، ئەبۇ مۇسا قۇرئان ئايەتلىرىنى قوليازما قىلىپ چىققان ئازغىنە ساھابىلەرنىڭ بىرسى ئىدى.

ئەبۇ مۇسا پەقەت ئاللاھنىڭ دىنى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان، ئىماننىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولغان مۇشرىكلارنىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇشقىلا قاتنىشاتتى. ناۋادا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش بولۇپ قالغۇدەك بولسا، ئۇنىڭدىن دەرھال ئۆزىنى قاچۇراتتى، ھەرگىزمۇ نەزەر سېلىپ قويمايتتى. ئەلى ۋە مۇئاۋىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆتۈرۈلگەن ئۇرۇشتا، ئۇنىڭ مەيدانى دەل ئاشۇنداق بولدى. بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ئۇ ياراشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن «ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى» دېگەن بۇ ئىسىم تېخىمۇ تونۇلدى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئەبۇ مۇسا بىتەرەپ ئورۇندا تۇردى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ـ بىرىنى ئۆلتۈرۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەگەر مۇشۇ ۋەزىيەت داۋاملاشسا، مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىپ، يېڭى بىر ۋەزىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن، خەلىپە ئەلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە، مۇئاۋىيەمۇ خەلىپە بولۇش دەۋاسىدىن ۋاز كەچسە، ئاندىن مۇسۇلمانلار كىمنىڭ خەلىپە بولۇشىنى لايىق تاپسا، شۇنى خەلىپىلىككە سايلىسا ئىش ئوڭشالغان بولاتتى.

ئەمەلىيەتتە، ئىمام ئەلى قانۇنلۇق ھالدا خەلىپىلىك ئورنىغا ئولتۇرغان ئىدى. باشقا ھەر قانداق قانۇنسىز توپىلاڭلار پەقەت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆرىۋېتىش ئۈچۈنلا قوزغالغان ئىدى. ھالبۇكى ئەھۋال تېخىمۇ بەتتەرلىشىپ كەتتى. ئۇرۇش تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، قانلىق قىرغىنچىلىق ئارقىلىقلا ئىش ھەل بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئىمام ئەلى مۇئاۋىيەنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىچىدىكى تەسىر كۈچى بار بىر قىسىم كىشىلەر ئەبۇ مۇسانىڭ پىكرىنى قوللىدى. ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبى، ئەبۇ مۇسا بۇ ئۇرۇشقا باشتىن ـ ئاياغ قاتناشمىغان، ئىككى تەرەپنى چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ياراشتۇرۇپ قويۇشقا، ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشكە كۆزى يەتمىگەن چاغدا، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆزىنى تارتقان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئەبۇ مۇسانى ئەڭ مۇۋاپىق ھۆكۈم چىقارغۇچى دەپ قارىشاتتى. ئىمام ئەلى ئەبۇ مۇسانىڭ ئىسلامغا بولغان مۇھەببىتىدىن، ئۇنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىدىن قىلچىمۇ گۇمانلانمايتتى. ئەمما ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ناھايىتى قۇۋلىقىنى، ھىيلە ـ نەيرەڭ ئىشلىتىش ياكى ئاسىيلىق قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ يەنە ئەبۇ مۇسانىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىگە قارىماي، ئالدامچىلىق ۋە سۇيىقەستنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ھەمدە ھىيلىگەرلىك قىلماي دائىم كىشىلەرگە ئادىللىق ۋە سەمىمىيەت ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ئەلى ئەبۇ مۇسانىڭ باشقىلارنىڭ ھىيلىسىگە ئۇچراپ كېتىپ، بۇ ياراشتۇرۇشنىڭ مەككارلىقنىڭ سەمىمىيەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاياغلىشىشىدىن ۋە ۋەزىيەتنىڭ ھازىرقىدىنمۇ خەتەرلىكرەك بولۇپ قېلىشىدىن قورقاتتى.

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئەبۇ مۇسا ئەلىگە، ئەمىر ئىبنى ئاس مۇئاۋىيەگە ۋەكىل بولغان ھالدا ياراشتۇرۇش باشلاندى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تارىخى سۆھبەت ئەبۇ ھەنىيفە دەينەۋىنىڭ «ئەخبار رۇستە ۋەكىلى» دېگەن كىتابىدا تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەنگەن:

-ئى ئەمىر، مەن ئاللاھنى خۇشال قىلىدىغان، پۈتۈن ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان بىر تەكلىپنى بەرسەم قانداق دەيسەن؟

ئەمىر:

  • قانداق تەكلىپ؟

  • ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنى خەلىپە قىلايلى، ئۇ بۇ ئۇرۇشقا قاتناشمىدى، - دېدى ئەبۇ مۇسا.

  • خەلىپىلىككە مۇئاۋىيەنى كۆرسەتسەم قانداق قارايسەن؟ - سورىدى ئەمىر.

  • مۇئاۋىيەنى بۇ ئورۇنغا كۆرسەتسەك مۇۋاپىق بولمايدۇ ھەم ئۇ بۇ ئورۇنغا لايىق ئەمەس.

  • سەن ئوسماننىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمەمسەن؟

  • ئەلۋەتتە بىلىمەن.

  • سەن مۇئاۋىيەنىڭ قۇرەيشنىڭ ئىچىدىكى ئىناۋىتىنى بىلىسەن، ئۇ يەنە ئوسماننىڭ ۋەلىيسى، - دېدى ئەمىر ۋە داۋاملاشتۇرۇپ، - ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلاركى، ئاللاھ (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنى) ھارام قىلدى. كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرىدىكەن، (قاتىلدىن قىساس ئېلىش، يا دىيەت ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش) ھوقۇقىنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنىڭ قولىدا قىلدۇق. ئىگىسى قىساس ئېلىشتا چەكتىن چىقىپ كەتمىسۇن، (يەنى قاتىلدىن غەيرىنى ئۆلتۈرۈش، يا ئۇنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش، بىر ئادەم ئۈچۈن ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلمىسۇن)، (ناھەق ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ) ئىگىسىگە ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدەتكاردۇر.( ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) نىڭ ئايالى ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ قېرىندىشى ھەمدە ساھابىلەرنىڭ بىرسى.

  • ئى ئەمىر! ئاللاھتىن قورققىن، … مۇئاۋىيەنىڭ ئىناۋىتى توغرۇلۇق تىلغا ئالغانلىرىڭغا قارىغاندا، ئەگەر خەلىپىلىك ئورنى ئىناۋەتكە ئاساسلىنىدىغان بولسا، بۇ ئورۇنغا ئەڭ مۇۋاپىق ئادەم ‹ئەبرەھە ئىبنى سەبباھ›، ئۇ زېمىنى مەشرىق ۋە مەغرىپكىچە كېڭەيگەن يەمەن پادىشاھلىرىنىڭ ئەۋلادى. مۇئاۋىيەنىڭ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپقا سېلىشتۇرغاندا قانچىلىك ئىناۋىتى بار؟ مۇئاۋىيەنى ئوسماننىڭ ۋەلىيسى دېگەن سۆزلىرىڭگە كەلسەك، ئۇنىڭغا ۋەلىي بولالايدىغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى - ئەمىر ئىبنى ئوسمان، ئەمما سۆزۈمگە قوشۇلساڭ بىز ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئوغلى تەقۋادار ئابدۇللاھنى بۇ ئورۇنغا كۆرسىتەيلى.

  • نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئوغلۇم ئابدۇللاھنى كۆرسەتمەيسەن؟ ئۇ گۈزەل ئەخلاقلىق، سەمىمىي، دەسلەپ ھىجرەت قىلغانلاردىن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كونا ساھابىلىرىدىن.

  • سېنىڭ ئوغلۇڭ سەمىمىي ۋە ئىشەنچلىك ئادەم، ئەمما سەن ئۇنى بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردىڭ. كەلگىن، بىز ياخشى ئادىمىمىز ۋە ياخشى ئادىمىمىزنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنى كۆرسىتەيلى.

  • ئى ئەبۇ مۇسا! بۇ ئىشنى توغرا ھەل قىلالايدىغان بىردىنبىر ئادەم - ئىككى دانە ئەقىل چىشى بار، بىرىدە تاماقنى چايناپ، بىرىدە ئەكېلىپ بېرىدىغان ئادەم (مۇئاۋىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى زېرەكلىكىنى دېمەكچى).

  • ئى ئەمىر! ئىسىت ساڭا، مۇسۇلمانلار بىزنىڭ بۇ ئىشنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار قىلىچ ـ نەيزىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلدى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا پىتنە تۇغدۇرىدىغان سۆزلەرنى ئېلىپ بارمايلى.

  • ئۇنداقتا سەن قانداق تەكلىپ بېرىسەن؟

  • ئەلى ۋە مۇئاۋىيە ئىككىيلەننى قويۇپ تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا كىمنى خالىسا شۇنى تاللاش ئىختىيارلىقىنى بېرەيلى.

  • مەن ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىمەن.

يۇقىرىقى سۆھبەت ئەبۇ مۇسانىڭ ھەققانى ۋە زېرەك ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئەمىرنىڭ مۇئاۋىيەنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىناۋىتىنىڭ چوڭلۇقى ھەمدە ئوسماننىڭ «ۋەلىسى» بولغانلىقى سەۋەبلىك خەلىپىلىككە لايىق بولىدۇ دېگەن سۆزلىرىدىكى ئاجىزلىقلارنى كۆرسىتىپ بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئوغلىنى خەلىپە قىلىش تەكلىپىنى بېرىش ئارقىلىق، ئەبۇ مۇسا ھەرگىزمۇ ئۆزى ۋەكىل بولغان تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا كەتمەن چاپمايدىغانلىقىنى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن مۇۋاپىق بىر نامزاتنى ئويلىشىپ بېقىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەمىر ئاخىرى ئەبۇ مۇسانىڭ «مۇسۇلمانلار كىمنى خالىسا شۇنى خەلىپە قىلىپ سايلاش» دېگەن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. ئەمما ئەبۇ مۇسا ئەمىرنىڭ يۇقىرىقى كېلىشىمدىن يۈز ئۆرۈپ، ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئۇ كېلىشىم كىشىلەر ئارىسىدا ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىبنى ئابباس ئەبۇ مۇسانى ئاگاھلاندۇرۇپ:

  • ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئەمىرنىڭ سېنى ئالدىشىدىن قورقۇۋاتىمەن، ئەگەر ھەر ئىككىڭلار كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولساڭلار، ئۇنى ئەمىر ئاۋۋال ئېلان قىلسۇن، - دېدى. ئەبۇ مۇسا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبلىك، ئەمىر كېلىشىمگە ئەمەل قىلار، دەپ ئويلىدى. ئەتىسى ئەبۇ مۇسا ۋە ئەمىر يىغىلىپ بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئەبۇ مۇسا ئەمىرنى باشتا سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمىر رەت قىلىپ:

  • مەن ھەرگىزمۇ سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈۋالمايمەن، چۈنكى سەن ماڭا قارىغاندا ھۆرمەتلىك، سەن مەندىن بۇرۇن ھىجرەت قىلغان، ياش جەھەتتىمۇ سەن مەندىن چوڭ، - دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئەبۇ مۇسا سەل ئالدىغىراق چىقتى ۋە سۆزلەشكە باشلىدى:

  • ئى خالايىق! بىز چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق پىكىردە بىر يەرگە كەلدۇق، ئاللاھ شۇ ئارقىلىق مۇشۇ ئۈممەتكە ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزىشى مۇمكىن. بىزنىڭچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، بۇ ئىككى ئادەم يەنى ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە ھازىرقى ئورۇنلىرىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ، ئاندىن مۇسۇلمانلار كىمنى خالىسا شۇنى خەلىپە قىلىپ تىكلەيدۇ. مەن ئەلى ۋە مۇئاۋىيەنىڭ ئورۇنلىرىدىن چېكىنىشىنى قوللايمەن، ئەمدى سىلەر ۋەزىيەتنى ئوبدان مۆلچەرلەپ، كىمنى لايىق كۆرسەڭلار، شۇنى خەلىپىلىككە كۆرسىتىڭلار.

بۇنى جاكارلاش نۆۋىتى ئەمىرگە كەلدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كىشىلەرگە خىتاب قىلدى:

  • ئى خالايىق! ھازىر ئەبۇ مۇسانىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىڭلار، ئۇ ئۆزىنىڭ دوستى (ئەلى) دىن ۋاز كەچتى، ئوخشاشلا مەنمۇ ئۇنىڭ دوستى (ئەلى) دىن ۋاز كېچىمەن ھەمدە دوستۇم (مۇئاۋىيە) نى خەلىپىلىككە كۆرسىتىمەن، چۈنكى ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئوسماننىڭ ۋارىسى ۋە بۇ ئورۇنغا ئەڭ لايىق ئادەم.

ئەبۇ مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى. گەرچە ئۇ ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمىرنى بۇنداق ساختىپەزلىك قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى. ئۇ دەرغەزەپ بىلەن ئەمىرنىڭ ئالدامچىلىقىنى، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ياراشتۇرۇش پۇرسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى قاتتىق سۆكتى. ئەمىر شۇنداق قىلىپ تىنچلىق ئورنىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىشنى بىر ئەرزىمەس، قۇرۇق نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئەبۇ مۇسا بۇ توقۇنۇشتا داۋاملىق بىتەرەپ ئورۇندا تۇردى. ئۇرۇش ئاخىرى ئەلىنىڭ مۇئاۋىيە بىلەن سۈلھىلىشىپ، مۇئاۋىيەنى مىسىر ۋە سۈرىيەنىڭ ۋالىيسى دەپ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ئاياغلاشتى.

ئەبۇ مۇسا مەككىگە بېرىپ، كېيىنكى ھاياتىنى مۇقەددەس مەسجىد (ھەرام مەسجىدى) ئەتراپىدا ئۆتكۈزدى.

ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ھەققانى خەلىپىلىرىگە چوڭقۇر ساداقەتلىك بىلەن ياشىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇنى ۋە مۇئاز ئىبنى جەبەلنى كۇفەگە ۋالى قىلغان ئىدى. ئەبۇ مۇسانىڭ قۇرئانغا چوڭقۇر مۇھەببىتى بار ئىدى. ھەر دائىم قۇرئان ئوقۇش، ئەستە قالدۇرۇش، ئۇنى چۈشىنىش ۋە تەكرار قىلىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇ قۇرئان توغرۇلۇق باشقىلارغا چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلاتتى:

  • قۇرئانغا ئەگىشىڭلار، قۇرئاننى ئۆزۈڭلارغا ئەگەشتۈرۈشنى ھەرگىز ئارزۇ قىلماڭلار، - دەيتتى ئۇ.

ئەبۇ مۇسا ئادەتتە تولىمۇ چىداملىق، سەۋرچان ئىدى، ھاۋا چىدىغۇسىز ئىسسىق بولۇپ كەتكەن كۈنلىرى ئۇ دائىم روزا تۇتاتتى ۋە مۇنداق دەيتتى:

  • ئېھتىمال بۇنداق ھاۋا قىزىق كۈنلەردىكى ئۇسسۇزلۇق بىزنىڭ قىيامەت كۈنى ئۇسسۇز قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇشى مۇمكىن.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا دائىم دېيىشنى ئادەت قىلغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى تەكرارلايتتى:

-ئاللاھ، ئى پەرۋەردىگارىم، سەن ئامانلىق بەرگۈچى ۋە ئامانلىق سەن تەرەپتىنلا كېلىدۇ.

ئائىشە بىنت ئەبۇ بەكرى

بۆلۈم: “ئائىشە بىنت ئەبۇ بەكرى”

ئائىشەنىڭ ھاياتى بىزگە ئاياللارنىڭمۇ ئىلىمدە ئالىم ئۆلىمالارغا ئۇستاز بولالايدىغان ھالەتتە ئەرلەردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ئائىشە ناھايىتى ياش ۋاقتىدىلا مول ۋە چوڭقۇر بىلىملەرنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇ بالىلىقىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا كەڭ بىلىمى، ئېسىل ئەخلاقى ۋە خۇشخۇي مۇئامىلىسى بىلەن قۇرەيش ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان دادىسى ئەبۇ بەكرىنىڭ تەربىيىسىدە بولدى. ئەبۇ بەكرى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولۇشتىن خېلى بۇرۇنلا ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆيىگە پات ـ پات كېلىپ تۇراتتى.

ئائىشە ياشلىق دەۋرىدە ئۆزىنىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان گۈزەللىكى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بىلەن بۈيۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ دىققىتىگە ۋە ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ۋە يېقىن ساھابىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىشە رەسۇلۇللاھتىن ھېچبىر ئايال ئىگىلىيەلمىگەن بىلىملەرنى ئىگىلىگەن ئىدى.

ئائىشە 10 ياشقا كىرەي دېگەندە مەككىدە رەسۇلۇللاھقا نىكاھلاندى. ئەمما ھىجرەتنىڭ 2 ـ يىلى ئائىشە 14 ـ 15 ياشلارغا كىرگەندە ئاندىن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مەيلى نىكاھتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە - ئۇنىڭ ساھابىلىرى، ھەتتا ئۆز ئاتاـ ئانىسىمۇ مۇھەببەت باغلىغان، ئۇلۇغلاپ ئىخلاس قىلىۋاتقان پەيغەمبەرگە - ياتلىق بولغانلىقىدىن ھېيىقىش ۋە تارتىنىش يوقتەك، ئىلگىرىكىدەكلا بالىلارچە غەمسىز، خۇشال ـ خۇرام تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇردى. ئائىشە ئۆزىنىڭ توي كۈنى توغرىلىق ئەسلەپ، ئاتاـ ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغان چاغدا يولدا كېتىۋاتقان بىر دوستى بىلەن ئويناش ئۈچۈن، ئاتاـ ئانىسىغا تۇيدۇرماستىن قورۇغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ:

  • مەن لىڭگىرتاقتاق ئويناۋاتاتتىم، - دەيدۇ ئۇ، - ئۇزۇن چاچلىرىم شامالدا چۇۋۇلۇپ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار كېلىپ مېنى ئويۇنۇمدىن توختىتىپ ياساندۇردى.

ئۇلار ئائىشەگە بەھرەيننىڭ قىزىل يوللۇق رەختىدىن تىكىلگەن توي كىيىمىنى كەيگۈزدى. ئاندىن ئانىسى يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيگە ئېلىپ كەلدى. ئەنسارىلاردىن بەزى ئاياللار ئىشىك تۈۋىدە ئۇلارنى ساقلاۋاتاتتى. ئۇلار ئائىشەگە:

  • ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق ۋە خۇشال ـ خۇراملىق ئاتا قىلسۇن، - دەپ سالام بېرىشتى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا چىقىپ كەلدى. بىر قاچا سۈت كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللاھ سۈتتىن ئىچىپ، ئاندىن ئائىشەگە بەردى. ئائىشە ئىزا تارتىپ ئىچىشكە ئۇنىمىغان بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن سۈتتىن ئىچىپ، ئاندىن قاچىنى يېنىدا ئولتۇرغان ئاچىسى ئەسماغا ئۇزاتتى، باشقىلارمۇ سۈتتىن ئىچىشتى. ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تويىدىكى ئاددىي، ئەمما كاتتا بىر ئىش بولدى. ھېچقانداق توي زىياپىتى ئۆتكۈزۈلمىدى.

پەيغەمبەرگە ياتلىق بولۇش ئۇنىڭ بالىلارچە خۇشال ـ خۇراملىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىۋەتمىدى. دوستلىرى دائىم ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ئۇنى يوقلاپ كېلىپ تۇراتتى. ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: «مەن دوستلىرىم بىلەن قونچاقلىرىمنى ئويناۋاتقاندا رەسۇلۇللاھ كېلىپ قالسا، دوستلىرىم ئۆيدىن غىپپىدە چىقىپ كېتەتتى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ چىقىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكىرەتتى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ دوستلىرىم بىلەن بىللە بولۇشۇمدىن خۇشاللىناتتى.» بەزى چاغدا رەسۇلۇللاھ ئائىشەنىڭ دوستلىرىنىڭ قايتىدىغان ۋاقتى بولمىسىلا: «ئويۇنۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار» دەيتتى ۋە قۇشۇلۇپ بىللە ئوينايتتى.

ئائىشە مۇنداق دەيدۇ:

بۆلۈم: “ئائىشە مۇنداق دەيدۇ:”

«بىر كۈنى مەن قونچاقلىرىمنى ئويناۋاتسام رەسۇلۇللاھ كىرىپ كەلدى ۋە:

  • ئى ئائىشە، بۇ قانداق ئويۇن؟ - دەپ سورىدى.

  • بۇ سۇلايماننىڭ ئاتلىرى، - دېدىم، رەسۇلۇللاھ كۈلۈپ كەتتى.»

بەزى چاغلاردا ئائىشە ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئويناۋاتقاندا كىرىپ قالغۇدەك بولسا، ئۇلارنىڭ ئويۇنىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ رىداسى بىلەن يۈزىنى تۇسۇۋېلىپ ئۆتۈپ كېتەتتى.

ئائىشەنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى:

بۆلۈم: “ئائىشەنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى:”

بىر قېتىم ئائىشەنىڭ دادىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئىككى ساھابە مەدىنىدە مەلۇم ئايلاردا بولىدىغان قاتتىق قىزىتما بىلەن ئاغرىپ يېتىپ قالدى. بىر ئەتىگىنى ئائىشە ئۇلارنى يوقلاپ باردى. ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاجىز ۋە ماغدۇرسىز ھالەتتە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، تولىمۇ بىئارام بولۇپ كەتتى. ئائىشە دادىسىدىن ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا شېئىرغا ئوخشاش بەزى چۈشىنىكسىز سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇردى، قالغان ئىككىيلەنمۇ ئوخشاشلا چۈشىنىكسىز بىر نېمىلەرنى دېيىشتى. ئۇ ناھايىتى تىت ـ تىت بولۇپ، ئۆيىگە قايتىپ رەسۇلۇللاھقا:

  • قىزىتمىنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلار كاللىسىدىن ئادىشىپتۇ، پەلىپەتىش جۆيلۈپ ياتىدۇ، - دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى سورىدى. ئۇ گەرچە ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكلىرىنى تولۇق چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن ئەينەن سۆزمۇ ـ سۆز قايتىلاپ ئېيتىپ بەردى. بۇ ئائىشەنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆپلىگەن قىممەتلىك، بىباھا ھەدىسلىرىنى ئەستە قالدۇرغان ناھايىتى كۈچلۈك تۇتىۋېلىش قابىلىيىتىنى نامايان قىلدى.

رەسۇلۇللاھ مەدىنىدىكى ئاياللىرى ئىچىدە ئائشەنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى. بىر قىسىم ساھابىلەر رەسۇلۇللاھتىن بەزىدە سورايتتى:

  • يا رەسۇلۇللاھ، سەن دۇنيادا ھەممىدىن كىمنى ياخشى كۆرىسەن؟

رەسۇلۇللاھ بۇ سوئالغا ھەر قېتىمدا ئوخشاش بىر خىللا جاۋاب بەرمەيتتى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ قىزلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى، ئەبۇ بەكرىنى، ئەلىنى، زەيدنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇسامەنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ئەمما ئاياللىرى توغرىلىق سورالغاندا، ئۇنىڭ تىلغا ئالغىنى پەقەت «ئائىشە» بولدى. ئائىشەمۇ رەسۇلۇللاھنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى ۋە دائىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىنى قايسى دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىش ئارقىلىق كۆڭلى تەسكىن تاپاتتى. بىر قېتىم ئائىشە رەسۇلۇللاھتىن:

  • ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ قانداقراق؟ - دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك دېگەن مەنىدە:

  • ئارغامچىنىڭ تۈگۈنچىسىدەك، - دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئائىشە پات ـ پات «تۈگۈن قانداقراق؟» دەپ سورايتتى. رەسۇلۇللاھمۇ «ئىلگىرىكىدەكلا» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى.

ئائىشە پەيغەمبەرگە بولغان مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورققانلىقتىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا باشقا ئاياللىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتى، بىر قېتىم ئۇ رەسۇلۇللاھتىن:

  • ئى رەسۇلۇللاھ، ئەگەر سەن تاغ باغرىدا بىرى پادىلار كىرىپ ئوتلىغان، يەنە بىرى تېخى پادا كىرىپ باقمىغان ئىككى يايلاققا كەلسەڭ، پادىلىرىڭنى قايسىسىدا يايلىتىسەن؟ - دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ:

  • تېخى پادا كىرىپ باقمىغان يايلاقتا يايلىتىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى. ئائىشە:

  • گەرچە شۇنداق بولسىمۇ مەن سېنىڭ باشقا ئاياللىرىڭغا ئوخشىمايمەن، مەندىن باشقا ھەممىسىنىڭ سەندىن ئىلگىرى ئەرلىرى بار ئىدى، - دېدى.

رەسۇلۇللاھ كۈلۈپ قۇيۇپ، باشقا ھېچنېمە دېمىدى. ئائىشە ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتى توغرىلىق كېيىن مۇنداق دەيدۇ:

«مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھېچبىرىگە خەدىچىگە ھەسەت قىلغاندەك ھەسەت قىلمايمەن.

چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا جەننەتتە ياقۇتتىن ياسالغان بىر ئىمارەت بىلەن خۇشخەۋەر بېرىشكە بۇيرۇغانلىقىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. رەسۇلۇللاھ قاچانلا قوي قۇربانلىق قىلسا، دائىم خەدىچىنىڭ يېقىن دوستلىرىغا ئۇنىڭدىن ئەۋەتىپ بېرەتتى. مەن نۇرغۇن قېتىم رەسۇلۇللاھقا:

  • جاھاندا خەدىچىدىن بۆلەك ئايال يوقتەك قىلىپ كېتىدىكەنسەن، - دېگەن ئىدىم.»

بىر قېتىم ئائىشە رەسۇلۇللاھتىن «بىر قېرى قۇرەيش ئايالى» نى نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ كۆرۈپ كېتىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئاچچىقلىنىپ:

  • ئۇ باشقىلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىنكار قىلغاندا ماڭا ئىمان ئېيتقان ئايال، باشقىلار مېنى يالغانغا چىقارغاندا، ئۇ مېنىڭ راستلىقىمنى چىن كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلدى، مەن ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، ئۆزىنىڭ مال ـ دۇنياسىنى سەرپ قىلىپ، مېنىڭ قايغۇـ ھەسرىتىمنى يەڭگىللەتتى، - دېدى.

ئائىشە ناھايىتى قولى ئوچۇق، سەۋرچان ئايال ئىدى. ئائىشە رەسۇلۇللاھنىڭ نامرات ئائىلىسىدىكى جاپالىق تۇرمۇشقا ۋە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدىغان ئاچلىققا سەۋر قىلاتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئازغىنا بىسات بار ئۆيىدە تاماق ئېتىش ۋە نان پىشۇرۇش ئۈچۈن ھېچنېمە بولمىغاچقا، نەچچە كۈنلەپ ئۇچاققا ئوت يېقىلمايتتى، پەقەتلا خورما ۋە سۇ بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزەتتى. تۇرمۇشتىكى كەمبەغەلچىلىكتىن ئائىشە قىلچىمۇ رەنجىمىدى ۋە ئىزا تارتىپ كەتمىدى.

بىر قېتىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ئۇنىڭدا يوق نەرسىلەرنى سوراپ ئۇنى خاپا قىلغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن بىر ئاي ئايرىلىپ تۇردى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ خەيبەر غازىتىدا نۇرغۇن غەنىمەت ئېلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىش ئىدى. بىر ئايدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ بىرىنچى بولۇپ، ئائىشەنىڭ ھوجرسىغا باردى، ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئايەت نازىل قىلغانلىقىنى، ئائىشەنىڭ ئايەتتە دېيىلگەن ئىككى ئىشتىن بىرىنى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئاندىن ئايەتنى ئوقۇدى:

  • (ئى پەيغەمبەر! ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي، ئاندىن سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كاتتا ساۋاب تەييارلىدى( ئائىشە:

  • مەن ئەلۋەتتە ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئاياللىرىمۇ ئائىشە بەرگەن جاۋابنى بېرىشتى. ئۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھايات ۋاقتىدا بولسۇن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن بولسۇن، ئۆزىنىڭ شۇ ۋەدىسىدە مۇستەھكەم تۇردى. كېيىن مۇسۇلمانلار نۇرغۇن غەنىمەت ئالغان چاغدا، ئۇنىڭغا غەنىمەتتىن 100مىڭ دىرھەم تەگدى. ئۇ پۇلنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا روزا تۇتۇۋالغان ئىدى، پۇلنى شۇ چاغدىلا پېقىرـ ھاجەتمەنلەرگە تەقسىملەپ بېرىۋېتىپ، ئۆزىگە ئىپتار قىلغۇچىلىكمۇ بىر نەرسە قالدۇرمىدى. بىر دەمدىن كېيىن ئۇنىڭ بىر چۆرىسى ئۇنىڭغا:

  • بىر دىرھەم قالدۇرۇپ قويۇپ، ئىپتار قىلىش ئۈچۈن گۆش سېتىۋالساڭ بولمامدۇ؟ - دېدى.

  • ئەگەر ئىپتار قىلىش ئېسىمدە بولغان بولسا ئىدى، شۇنداق قىلغان بولاتتىم، - دەپ جاۋاب بەردى ئائىشە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىشەگە بولغان مۇھەببىتى ئاخىرىغىچە سۇسلىشىپ قالمىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ كېسىلى بەك ئېغىرلىشىپ قالغاندا، باشقا ئاياللىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەنىڭ ھۇجرىسىدا تۇردى ۋە بېشىنى ئائىشەنىڭ كۆكرىكىگە ياكى يۇتىسىغا قويۇپ ياتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاك سورىدى، ئائىشە قېرىندىشىدىن بىر مىسۋاك ئەكېلىپ، چايناپ يۇمشىتىپ، ئاندىن رەسۇلۇللاھقا بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۆزىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكىنىگە قارىماي، ئۇنى كۈچ بىلەن چىشىغا سۈركەپ چىشىنى تازىلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي رەسۇلۇللاھ ھوشىدىن كەتتى. ئائىشە رەسۇلۇللاھنى ۋاپات بولدى دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما بىر سائەتتىن كېيىن ئۇ كۆزىنى ئاچتى، ئائىشە ئاللاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىنىڭ سەكراتتىكى مىنۇتلىرىنى بىزگە ئەينەن تەسۋىرلەپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە كۆزىنى ئاچقاندا، ئائىشە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئەسلىدى: «ئاللاھ ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئۇنىڭ جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرسەتمىگىچە ۋە ياشاش ياكى قەبزى روھ بولۇش ئىختىيارلىقىنى بەرمىگىچە، ئۇنى قەبزى روھ قىلمايدۇ»، «ئۇ ھازىر بىزنى تاللىمايدۇ» دېدى ئائىشە ئۆزىگە، ئاندىن ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ پەس ئاۋازدا:

  • ئاللاھ ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى چۈشۈرگەن پەيغەمبەرلەر، شېھىتلار ۋە سالىھلار بىلەن جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا بىللە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، - دېگەنلىكىنى، ئاندىن يەنە پەس ئاۋازدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى، - ئى رەببىم، مېنى جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا…

ئەنە شۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرى بولدى. ئائىشەنىڭ كۆكرىكىگە قويغان بېشى ئاستا ـ ئاستا ئېغىرلاشتى. ئۆيىدىكىلەر ئېغىر قايغۇغا چۆمدى، ئائىشەمۇ بېشىنى ياستۇققا قويۇپ چوڭقۇر ھەسرەتلىنىپ كەتتى. بارچە كائىنات، تاغلار، دېڭىزلار، دەل ـ دەرەخلەر، قۇشلار… ھەسرەتلىنىپ كەتتى، پۈتۈن دۇنيا مۇسىبەت قايغۇسىغا پاتتى. ئائىشەنىڭ ھۇجرىسىدىكى رەسۇلۇللاھ ياتقان كارىۋاتنىڭ يېنىغا بىر قەبرە كولاندى. قاتتىق گاڭگىراش ۋە ئېغىر قايغۇ ئىچىدە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، شەرەپلىك، بۈيۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەپنە قىلىندى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن، ئامىين!

ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 50 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆردى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قىسقىغىنا 10 نەچچە يىل بىللە بولدى. شۇ ۋاقتنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاللاھنىڭ مۇھىم ئىككى كۆرسەتمىسى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلدى. ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئەستە قالدۇرغان ئۈچ ئايالىنىڭ بىرى بولدى (قالغان ئىككىسىنىڭ بىرى ھەفسە، يەنە بىرى ئۇممۇ سەلەمە). ھەفسەگە ئوخشاش، ئائىشەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن قۇرئان كەرىمنى قوليازما قىلىپ يېزىپ چىقتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى توغرىلىق گەپ بولسىلا ئائىشە 2000 دىن كۆپرەك ھەدىس رىۋايەت قىلغان تۆت ئادەم (قالغانلىرى ئەبۇ ھۇرەيرە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئەنەس ئىبنى مالىك - ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) نىڭ بىرى بولۇپ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى، ئائىشەدىن باشقا ئادەم ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ئەرـ ئايال ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردۇر. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ھەدىستىن ئىگىلىگەن بىلىملىرى ساھابىلەردىن كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان جىيەنى ئۇرۋەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى تەرىپىدىن يېزىق شەكلى بىلەن بىزگە يىتىپ كەلگەن.

رەسۇلۇللاھنىڭ نۇرغۇن بىلىملىك ساھابىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئائىشەنىڭ بىلىمىدىن مەنپەئەتلەنگەن ئىدى. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى بىر قېتىم:

  • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىرەر مەسىلىدە گاڭگىراپ قالساق، ئۇ توغرۇلۇق ئائىشەدىن سورايتتۇق، - دېگەن ئىدى. ئائىشەنىڭ جىيەنى ئۇرۋە ئۇنىڭ فىقھى بىلىملىرىگە پىششىق بولۇپلا قالماي، تېبابەتچىلىك ۋە شېئىرىيەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ نۇرغۇنلىغان پېشقەدەم ساھابىلىرى يۇقىرى ماتىماتىكىلىق كاللا تەلەپ قىلىدىغان مىراسخورلۇققا ئائىت مەسىلىلەردە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كېلەتتى. ئۆلىمالار ئائىشەنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئەلى ۋە ئابدۇللا ئىبنى ئابباسلارغا ئوخشاشلا ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى فىقھىشۇناسلىرىنىڭ بىرى دەپ ھىساپلىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مول بىلىملىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:

  • بۇ قىزىل رەڭلىك ئايالدىن دىنىڭلارنى ئۈگىنىڭلار. «قىزىل رەڭلىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ھۇمەيرە» - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەگە بەرگەن نام ئىدى.

ئائىشە چوڭقۇر بىلىملەرنى ئىگەللەپلا قالماي يەنە مائارىپ، جەمىئەت ئىسلاھاتىدىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىدى. ئۇ خۇددى ئوقۇتقۇچىدەكلا ناھايىتى ئوچۇق ۋە قايىل قىلارلىق ھالەتتە پىكىر قىلاتتى. ئەھنەف ئائىشەنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى ئاتالغۇلار بىلەن تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ:

  • مەن ھازىرغا كەلگۈچە ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلىنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىدىم، ئەمما ھېچكىمنىڭ ئېغىزىدىن ئائىشەنىڭكىدەك قايىل قىلارلىق ۋە گۈزەلراق بولغان سۆزنى ئاڭلاپ باقمىدىم.

ئۇنىڭ بىلىمىدىن ئوزۇق ئېلىش ئۈچۈن، يىراق جايلاردىن ئەرـ ئاياللار كېلىپ تۇراتتى. ئېيتىلىشىچە ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سورىغانلىرىغا جاۋاب بەرگەندىن تاشقىرى، ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى يىتىم قىزلار ۋە ئوغۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيى مەكتەپكە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كاتتا بىلىمى بىلەن نام چىقارغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ جىيەنى ئۇرۋەنىڭ داڭلىق ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە، ئۆمرە بىنت ئابدۇرراھمان ئىسىملىك بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ئۆلىمالار ئۇنى ئەڭ ئىشەنچلىك ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. ئۆمرە ئائىشەنىڭ كاتىۋىدەكلا، ئائىشەگە كەلگەن خەتلەرنى تاپشۇرىۋېلىش ۋە جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئائىشەنىڭ مائارىپنى يۈكسەلدۈرىشى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىسلام قانۇنى ۋە ئىسلام مائارىپى بىلەن تەربىيىلىنىشى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش بولۇپ قالدى.

خەدىچە كۇبرا، فاتىمە زەھرادىن كېيىن، ئائىشە سىددىق ئسلامدىكى ئەڭ ياخشى ئايال دەپ تەرىپلەندى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەبىئىتى بىلەن ئىلىم ـ پەن، جەمئىيەت، سىياسىي ۋە ئۇرۇش ساھەلىرىدە يېتەكچە رول ئوينىدى. ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قالغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلاتتى، ئەمما ئوزون يىل ياشاپ، ئۆزىنىڭ شۇ دەۋىردىكى «ئەڭ ھۆرمەتلىك ئايال» لىق نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇ ھىجرەتنىڭ 58ـ يىلى رامىزان ئېيىدا ئالەمدىن ئۆتتى، ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى دەپنە قىلىنغان «جەننەتۇل بەقىي» قا دەپنە قىلىندى.

بىز بۇ ھەبەشىستانلىق قىزنىڭ قانداق قىلىپ مەككىگە قۇل قىلىپ سېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمىز، ئۇنىڭ نەسىبى، ئاتا ـ ئانىسى ۋە ئەجداتلىرىنىڭ كىملىكى توغرىلىقمۇ بىزدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەينى ۋاقىتتا بەرەقەگە ئوخشاشلا ئەرەبلەردىن ۋە غەيرىي ئەرەبلەردىن بولغان نۇرغۇنلىغان قىزلار ۋە ئوغۇللار تۇتۇپ كېلىنىپ، قۇل بازىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ سېتىۋېتىلگەن.

رەھىمسىز خوجايىنلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالغانلىرىنىڭ تەقدىرى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ، خوجايىنلىرى ئۇلارنى ئىت ـ ئېشەكنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئەڭ قەبىھ مۇئامىلىدە بولغان. ئاشۇنداق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇھىتتا، ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىڭلا تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن، ئۇلار مېھرىبان ۋە رەھىمدىل كىشىلەر تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغانلار ئىدى.

بەرەقە، بۇ ھەبەشىستانلىق ياش قىز ـ دەل ئاشۇنداق تەلەيلىكلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنى ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ ئوغلى، سېخى ۋە مېھرىبان ئابدۇللاھ سېتىۋالغان ئىدى. ئۇ ئابدۇللاھنىڭ ئائىلىسىدىكى بىردىنبىر چۆرىسى بولۇپ، ئابدۇللاھ ئامىنەگە ئۆيلەنگەندە، ئوخشاشلا ھەر ئىككىيلەننىڭ خىزمىتىنى قىلدى.

بەرەقەنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار توي قىلىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇللاھنىڭ دادىسى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئوغلىغا سۈرىيەگە بارىدىغان سودا كارۋىنى بىلەن سۈرىيەگە بېرىپ، تىجارەت قىلىپ كېلىشكە تەكلىپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغان ئامىنە قاتتىق بىئارام بولۇپ:

  • بۇ قانداق گەپ؟ مەن تېخى تىرناقلىرىمدىكى خېنىلەرمۇ قۇرۇمىغان يېڭى كېلىن تۇرسام، يولدىشىم تىجارەت بىلەن سۈرىيەگە بارامدىكەن؟ - دەپ توۋلاپ كەتتى. ئابدۇللاھنىڭ تىجارەتكە كېتىشى ئامىنەگە تولىمۇ ئېغىر كەلدى، بىئاراملىق ئىچىدە ئۇ ھوشىدىن كەتتى. بەرەقە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئامىنەنىڭ ھۇشىسىز ياتقىنىنى كۆرۈپ، قورققىنىمدىن:

  • خېنىم! خېنىم! - دەپ ۋارقىراپ تاشلىدىم. ئامىنە كۆزىنى ئېچىپ ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى يۈزلىرىگە سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى، ئىڭراشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ماڭا:

  • ئى بەرەقە، مېنى كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ قوي، - دېدى. ئامىنە ئۇزۇن ۋاقىت ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر، مۇلايىم بوۋاي - ئابدۇلمۇتەللىبتىن باشقا ھېچكىمگە گەپ قىلمىدى. ئابدۇللاھ كېتىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، ئامىنە مېنى بىر تاڭ سەھەردە چاقىردى، ئۇنىڭ چىرايى خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ماڭا:

  • ئى بەرەقە، مەن بىر غەلىتە چۈش كۆرۈپتىمەن، - دېدى.

  • چۈشىڭىز خەيرلىك بولغاي، خېنىم - دېدىم مەن.

  • چۈشۈمدە قورسىقىمدىن بىر نۇر چىقىپ، مەككىنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلارنى ۋە جىلغىلارنى نۇرلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم.

  • خېنىم، ھامىلىدار بولدىڭىزمۇ؟

  • ھەئە، بەرەقە، - دېدى ئۇ، - ئەمما مەن باشقا ئاياللارغا ئوخشاش بىئاراملىق ھېس قىلمىدىم.

  • ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان خىسلەتلىك بىر بالا تۇغىدىغان ئوخشايسىز، - دېدىم مەن.

«ئابدۇللاھ قايتىپ كەلمىگەنسېرى، ئامىنە غەمكىن ۋە مەيۈس بولۇپ قالدى. بەرەقە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەتتى ۋە قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇنى غەمدىن خالاس قىلىشقا تىرىشاتتى. ئابدۇلمۇتەللىب كېلىپ ئۇنىڭغا يەمەن پادىشاسى ئەبرەھەنىڭ پات ئارىدا شەھەرگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇ باشقا مەككىلىكلەرگە ئوخشاش ئۆيدىن چىقىپ، تاغدا پاناھلىنىپ تۇرۇشى زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقاندا، ئۇ تېخىمۇ قايغۇرۇپ كەتتى.

ئامىنە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تولىمۇ ھەسرەتلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، تاغلارغا چىقالمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئەبرەھەنىڭ ھەرگىزمۇ مەككىگە كىرىپ، مەككىنى ۋەيران قىلىۋىتەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنى ئاللاھ قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئابدۇلمۇتەللىب ناھايىتى تەشۋىشلىنىپ كەتتى، ئەمما ئامىنەنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق قورقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ كەئبىگە ھېچكىمنىڭ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچى بار ئىدى. دېگەندەكلا قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدا پىلدىن بىرنى ھەيدەپ ماڭغان ئەبرەھەنىڭ قوشۇنى مەككىگە كىرمەي تۇرۇپلا ھالاك بولدى.»

بەرەقە كېچە ــ كۈندۈز ئامىنەدىن ئايرىلمىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئامىنەنىڭ كارۋىتىنىڭ تۈۋىدە ــ يەردە ئۇخلايتتىم ۋە كېچىلىرى يولدىشىنى چاقىرغاندىكى ئىڭرىغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلايتتىم. ئۇنىڭ ئىڭراشلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەتتىم.»

كارۋاندىكىلەرنىڭ بىر بۆلىكى سۈرىيەدىن قايتىپ كەلدى. مەككىدىكى تىجارەتچى ئائىلىلەر ئۇلارنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. بەرەقە ئابدۇللاھنىڭ خەۋرىنى ئۇقۇپ كېلىش ئۈچۈن ئوغرىلىقچە ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ ئۆيىگە بارغان بولسىمۇ، ھېچبىر خەۋەر ئالالمىدى. ئۇ ئامىنەنىڭ قىشىغا قايتىپ باردى، ئەمما ئۇنىڭ قايغۇسىنى كۈچەيتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىدىن ھېچنېمە دېمىدى. كارۋاننىڭ قالغان قىسمىمۇ ئاخىرى قايتىپ كەلدى، ئابدۇللاھ يەنىلا يوق ئىدى.

كېيىن بەرەقە ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقتىدا، مەدىنىدىن كەلگەن قورقۇنچلۇق بىر خەۋەرنى ــ ئابدۇللاھنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چىقىراپ تاشلىدىم، شۇ كەتكەنچە ئىككىنچى قايتىپ كەلمەيدىغان ئابدۇللاھقا قايغۇرۇپ، بىز ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈۋاتقان بۇ سۆيۈملۈك ئادىمىمىزگە قايغۇرۇپ، مەككىدىكى ئەڭ چىرايلىق يىگىت، قۇرەيشنىڭ پەخرى - ئابدۇللاھقا قايغۇرۇپ، توۋلىغان ھالدا ئامىنەنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدىن باشقىسىنى بىلمەيمەن. ئامىنە بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھوشىدىن كەتتى. ئۇ ھايات ــ مامات ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋاتقان شۇ ھالەتتە، مەن ئۇنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدىم. ئامىنەنىڭ ئۆيىدە مەندىن بۆلەك ئادەم يوق ئىدى. ئاسمانلار ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلىنىپ كەتكەن بىر كېچىسى ئامىنە ئوغلى مۇھەممەدنى تۇغقانغا قەدەر، مەن بۇ ئۇزۇن كۈنلەر ۋە تۈنلەردە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ياخشى كۈتتۈم.»

مۇھەممەد تۇغۇلغاندا، بەرەقە تۇنجى بولۇپ ئۇنى قۇچىغىغا ئالدى. چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتەللىب ئۇنى كەئبىگە ئېلىپ بېرىپ، بارلىق قۇرەيش خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۇنى تەبرىكلىدى، ئاندىن ئۇ ھەلىمە بىلەن سەھراغا ئەۋەتىلدى. ساپ ھاۋالىق بۇ كەڭ كەتكەن چۆلدە، ھەلىمە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بەرەقە ئامىنە بىلەن بىللە تۇردى. بەش يىلدىن كېيىن مۇھەممەد مەككىگە قايتۇرۇپ كېلىندى. ئامىنە بالىسىنى سەمىمىيلىك ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تاپشۇرۇپ ئالدى، بەرەقە ئۇنى خۇشاللىق ۋە ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالدى.

مۇھەممەد ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى، ئانىسى مەدىنىدىكى يولدىشى ئابدۇللاھنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلمەكچى بولدى. بەرەقە ۋە ئابدۇلمۇتەللىب نەسىھەت قىلىپ ئۇنى توساماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئامىنىگە گەپ يېگۈزەلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئامىنە، مۇھەممەد، بەرەقە ئۈچەيلەن چوڭ بىر تۆگىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىچىك ھەۋدەجگە ئولتۇرۇپ، سۈرىيەگە بارىدىغان چوڭ بىر كارۋان بىلەن بىللە يولغا چىقتى. بۇ سەبى بالىنىڭ ئازابلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئامىنە مۇھەممەدكە دادىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلۇقىلى كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدى.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.