تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

1. موللا مۇسا سايرامى ۋە «تارىخى ھەمىدى» تەتقىقاتى

موللا مۇسا سايرامى ۋە «تارىخى ھەمىدى»

بۆلۈم: “موللا مۇسا سايرامى ۋە «تارىخى ھەمىدى»”

1

موللا مۇسا سايرامى يەنى موللا مۇسابىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى (مىلادى 1836 ـــ 1917 ـ يىللار) يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخ ئالىمى ۋە شائىرى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بىرنەچچە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان. تۆۋەندە ئالىمنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى ۋە مەزكۇر «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئەسىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز.

مىلادى 19 ـ ئەسىرنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت دېھقان، چارۋىچى ۋە قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ مىللى زۇلۇمىغا ۋە يەرلىك فېئوداللارنىڭ فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلاۋىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كەينى ـ كەينىدىن مەغلۇپ بولۇشى، ئەزگۈچى سىنىپلارنىڭ ئۆزۈن مۇددەتلىك قالايمىقان ئۇرۇشلىرى ۋە بۇنىڭغا ئۇلىنىپلا كەلگەن چەت ئەل تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقى تەخمىنەن بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت زور ئىجتىمائىي داۋالغۇش دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزدى.

19 ـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بىرنەچچە ئۇيغۇر ئالىملىرى بۇ زور ئىجتىمائىي داۋالغۇشلارنى ئەسـلەپ، نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە شائىر ئارزۇ مۇھەممەت تەرىپىدىن يېزىلغان «ئىسلام نامە»، غېرىبى تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۆمەر ئالى»، ئۈمىدى تەرىپىدىن يېزىلغان «جەڭ نامە»، مۇھەممەت ئەلەم تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى كاشغەر»، قاسىم بەك تەرىپىدىن يېزىلغان «غۇلجا ۋەقەئاتلىرى بايانى»، مۇھەممەت سالىھ ياركەندى تەرىپىدىن يېزىلغان «غازات ئەل مۇسلىمىن»، موللا بىللال بىننى موللا يۈسۈپ تەرىپىدىن يېزىلغان «غازات دەرمۈلكى چىن»، سىيىت مۇھەممەت تەرىپىدىن يېزىلغان «شەرھى شىكەستە نامە»، موللاشېكەر تەرىپىدىن يېزىلغان «زەپەر نامە»، ماخمۇت شېيىخ غېرىبى تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخنامە يەئقۇبخان»، قۇربان سوپى سەپەر باي تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى بەدۆلەت»، بولۇپمۇ موللا مۇسا سايرامى تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى ئەمىنىيە» ۋە ئۇنىڭ تۈزىتىپ تولۇقلانغان نۇسخىسى «تارىخى ھەمىدى» قاتارلىق ئەسەرلەر بار. بۇلار دەل ئەنە شۇ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن زور تارىخىي ۋەقەلەرنى بايان قىلغان مۇھىم مەدەنىي مىراسلار ھېسابلىنىدۇ.

موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۆز مەلۇماتلىرى ۋە بىزنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈشلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ھىجرى 1252 ـ يىلى ماھى جەمادى ئەۋۋەلنىڭ 10 ـ كۈنى (مىلادى 1836 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئاناقىز يېزىسىدا (ھازىرقى باي ناھىيە توخسۇن يېزىسى ئاناقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسىدە) دۇنياغا كەلگەن. ①

① ئېزىز داموللا: «نەسەبنامەئى موللا مۇسا»، قوليازما.

موللامۇسا سايرامىنىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا بىننى موللا ئەيسا خان خوجا ئەينى زاماندا باي ناھىيىسى تەۋەسىگە تونۇلغان ئىلىمىي ۋە دىنىي زات بولۇپ، ئوغلى مۇسانىڭ (مۇسۇر ئاخۇننىڭ) ئىلىم ۋە دىنىي جەھەتتىكى تەربىيىسىگە ئۇنىڭ گۆدەك ۋاقتىدىن باشلاپلا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭلاشقا ئۇنى يەتتە يېشىدىن باشلاپلا ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلغان سايرام مەدرىسىسىدە ئوقۇتۇپ، باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە قىلغان ۋە ھىجرى 1263 ـ يىلى ماھى شەۋۋالدا (مىلادى 1847 ـ يىلى 9 ـ ئايدا) يەنى زاماندا جەنۇبىي تەڭرىتاغ رايونى بويىچە مەشھۇر بولغان كۇچاردىكى ”ساقساق“ مەدرىسىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. بۇ مەدرىسىنىڭ ئاساسلىق مۇدەررىسى شۇ زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت دېگەن زات بولۇپ، ئۇ موللا مۇسانىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا بىلەن ھەمسۆھبەت ئىدى. موللا مۇسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىغى ۋە موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەتنىڭ چوڭقۇر غەمخورلۇغى ئاستىدا، قۇرئان، ھەدىس، تارىخ، ئەدەبىيات، تەقۋىم (كالېندارشۇناسلىق)، ئىلمى نۇجۇم، ناباتات (ئاگرو بىئولوگىيە)، جۇغراپىيە، ئەرەپ ۋە پارس تىلى قاتارلىقلاردىن ناھايىتى يۇقىرى نەتىجە قازىنىپ، ناھايىتى تېزلا ”موللامۇسا“، ”بالا موللا“ ”موللا ئەبجەد خان“ (كالېندار شۇناس) دېگەن نامـلار بىلەن شۆھرەت قازانغان ئىدى. موللا مۇسا بۇ جەرياندا موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەتنىڭ ئىلمىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ خەلقپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنگەن ئىدى. دېمەك، موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت ياش موللىنىڭ ھەممە تەرەپتىن ئەتراپلىق ئۆسۈشىگە چوڭقۇر تەسىر بەرگەن ئىدى. ھىجرى 1270 ـ يىلى (مىلادى 1854 ـ يىلى) موللا مۇسا ساقساق مەدرىسىسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگىتىپ، ئۆز ئانا مەكتىۋى سايرام مەدرىسىسىگە كېلىپ مۇدەررىسلىك قىلغان. ئۆزۈن ئۆتمەي ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا ۋاپات بولىدۇ. موللا مۇسا سايرام مەدرىسىسىنىڭ باش مۇدەررىسى بولۇپ تەيىنلىنىش بىلەن بىللە، پۈتۈن ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق ـ تۇققانلىرىنىڭ ئېغىرچىلىغى تامامەن ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر تۇققان ئىنىلىرىدىن بولغان ئىسلام ئاخۇن، قاسىم ئاخۇن ۋە ھىلاخۇنلار تېخى گۆدەك ئىدى.

ھىجرى 1281 ـ يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ 1 ـ كۈنى (مىلادى 1864 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى) كۇچار رايونىدا ئۇيغۇر، خۇيزۇ دېھقانلىرى بىلەن قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك فېئوداللارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلاۋىي قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئەسلىدە مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلىيۇللانىڭ مازىرىدا تاۋاپ قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئىسلام دىنى تەرىقەت ئەھلىنىڭ قادىرىيە گۇرۇھىغا مەنسۇپ سوپىلارنىڭ پىرى راشىدىن خوجىنى خان قىلىپ سايلايدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇنلار تەرەپ ـ تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ، ئىنقىلاپ ئوتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە باشلايدۇ. موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۇستازى موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت كۇچار قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلغان جەڭگاۋارلىرىنىڭ باش قازىسى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇنلار ئۆزۈن ئۆتمەي ئاقسۇ ۋە قەشقەر رايونىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، سايرامغا يېقىن قىزىل دېگەن جاينى ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا موللا مۇسا سايرامى بۇ قوزغىلاڭنى ناھايىتى قىزغىن قوللاش بىلەن تەڭ، ئۆزىنىڭ بارلىق تالىپلىرىنى، جۈملىدىن بىر قانچە يۈز نەپەر سايراملىق يىگىتلەرنى باشلاپ سايرامغا كېلىپ، يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىللە قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنى قارشى ئالىدۇ ھەم قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ، قىزىل، سايرام، باي، ياقائېرىق، ئاراشۇر قاتارلىق جايلاردىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى، يەرلىك فېئوداللارنى باستۇرۇش كۈرەشلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۆز مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ چاغدا پۈتۈن باي ناھىيىسى تەۋەسىدىن يەتتە مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ۋە قول ھۈنەرۋەن ئۆز ئىختىيارى بىلەن غەربكە يۈرۈش قىلغان قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قاتناشقان. ①

غەربكە يۈرۈش قىلغان قوزغىلاڭچى قوشۇنلار بىر قېتىملىق ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ئاقسۆڭەت قارا يۇلغۇن، جام، ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ، قەشقەر ۋە يەكەننى ئېلىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىدۇ. موللا مۇسا سايرامى بۇ كۈرەشلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، غەربكە يۈرۈش قىلغان قوشۇنلارنىڭ ئۇچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق سەرگەردىلىرىدىن بىرى بولغان ماخمۇدىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ۋە ئومۇمىي ئىشلار باشلىغى (ئەمەلىيەتتە ئىشىك ئاغىسى) بولۇش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. بۇ چاغدا، موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ خىزمەت جەھەتتىكى ناھايىتى زور مەسئۇلىيەتچانلىغى، بىلىم دائىرىسىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ۋە كەڭلىگى، مۇئامىلە جەھەتتە ناھايىتى كەمتەرلىگى، ئەقىل جەھەتتىكى ئۆتكۈرلۈگى بىلەن پۈتۈن قوزغىلاڭچى قوشۇن ھەم ئۇچتۇرپان يەرلىك خەلقىنىڭ ئىچىدە زور ئابرويغا ئىگە بولىدۇ. بۇ چاغدا، موللا مۇسا سايرامى تېخى ئەمدىلا 28 ياشتىن ھالقىغان ئىدى. مىلادى 1865 ـ يىلى مۇھەممەت ياقۇپ بەك (بەدۆلەت) قوقان خانلىغىنىڭ ياردىمى ئاستىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي رايونلىرىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كېڭەيتىۋاتقان چاغدا، سابىق ئۇچتۇرپان ھاكىم بېگى توختى بەك قاتارلىق يەرلىك فېئوداللار بەدۆلەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا ماسلىشىپ، تويۇقسىز قوزغاپ، قوزغىلاڭچى قوشۇنلارغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ چاغدا موللا مۇسا سايرامى قوزغىلاڭچىلارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە تويۇقسىزچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ، ئۆز ئابرويىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى پارچىلاپ، تويۇقسىزنىڭ بېسىقتۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدۇ.

① «تارىخى ھەمىدى»، ئۆز قوليازمىسى.

لېكىن ھىجرى 1284 ـ يىلى ماھى مۇھەررەمدە (مىلادى 1867 ـ يىلى 5 ـ ئايدا) بەدۆلەت ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئاقسۇغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلايدۇ. بۇ چاغدا كۇچار قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى سەرگەردىلىرى بەدۆلەتكە ئۇرۇشمايلا تەسلىم بولىدۇ. چۈنكى بۇ كۇچار قوزغىلاڭچىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەدۆلەتكە ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىپ، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ۋە كۇچار قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئىچىدە ئېغىر زىددىيەتلەر پەيدا بولغان بىر چاغ ئىدى. بۇ چاغدا موللا مۇسا سايرامى ئۇچتۇرپاندىكى تەسلىم بولغان سەرگەردىلەر بىلەن بىللە ئاقسۇغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئۆزۈن ئۆتمەي بەدۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكەتچىسى مىرزا بابا بەك ھېسارى موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۆتكۈر قابىلىيەتلىك ۋە ئۇستا خەتتات بىر ئادەم ئىكەنلىگىنى بىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە مەخسۇس مىرزا قىلىپ تەيىنلەيدۇ. موللا مۇسا سايرامى بۇ ۋەزىپىنى تاكى بەدۆلەت چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بەدۆلەت ھۆكۈمىتىنى يوق قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى قايتۇرۇپ ئالغىچە ئۆتەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن موللا مۇسا سايرامى كۇچار دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە بەدۆلەت ھاكىمىيىتى ھەققىدە بىرەر تارىخىي ئەسەر يېزىش مەقسىتىدە، غەربتە قەشقەر، شەرققە تۇرپانغىچە بولغان جايلارنى بىر قانچە يىل ساياھەت قىلىپ، مۇھىم تارىخىي ھۆججەتلەرنى توپلاپ، ئاخىرى يەنە ئاقسۇغا قايتىپ، يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدا ئومۇمەن 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ مەزگىل موللا مۇسا سايرامىنىڭ ھاياتىدىكى ناھايىتى ئېغىر بىر يىللار بولۇپ، ئۇ تامامەن پەقىرلىق ـ نامراتلىق ھاياتىنى كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ① ئاخىرى ھىجرى 1335 ـ يىلى ماھى جامادى ئەۋۋەل ئايلىرىدا (مىلادى 1917 ـ يىلى 3 ـ ئايدا) 81 ياشقا كىرگەن موللا مۇسا سايرامى ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولۇپ، ئۆز يۇرتى سايرامغا قايتىشىنى تەلەپ قىلىپ، تۇققانلىرىغا خەت يازىدۇ. موللا مۇسا سايرامىنىڭ چوڭ ئىنىسى ئىسلام ئاخۇننىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن خەلپەت ئۇنى ئاقسۇدىن سايرامغا ھارۋا بىلەن ئېلىپ قايتىدۇ. بۇ چاغدا موللا مۇسا سايرامى تامامەن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئىدى. ھىجرى 1335 ـ يىلى ماھى جامادى ئاخىردا (مىلادى 1917 ـ يىلى 4 ـ ئايدا)، بۇ ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى، تارىخ ئەھلىنىڭ مەشئەل ـ چىرىغى بولغان موللا مۇسا سايرامى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا سەپەر قىلىدۇ. شۇ يىلى ماھى شەۋۋالدا (مىلادى 6 ـ ئايدا)، ئۇنىڭ تۇققانلىرى ۋە يۇرتداشلىرى قەشقەرلىق مەشھۇر نەققاش ۋە تامچى يۈسۈپ ئۇستام دېگەن كىشىنى تەكلىپ قىلىپ، ھازىرقى ئاناقىز دۆڭتىگىنىڭ بويىدا موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئىگىز گۈمبىزىنى تىكلەپ، ئۇنىڭ يېنىغا يۈز كىشىلىك بىر مەسچىت بىنا قىلىدۇ. بۇ گۈمبەز بىلەن مەسچىت ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» دەۋرىدە (1967 ـ يىلى) تامامەن بۇزۇلىدۇ. ①

① «تارىخى ھەمىدى»، قوليازما.

موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدا تۇرغان مەزگىلدە، بىرنەچچە تارىخى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر مەشھۇر بولغانلىرى «تەزكىرە تۈل ئەۋلىيا» (تەزكىرە تۈل ئەۋلىيا فى مۇفتاھۇل ئىمان، ھىجرى 1302 ـ يىلى، يەنى مىلادى 1885 ـ يىلى يېزىلغان)، «دەر بايان ئەسھابۇل كەھەب» (تەزكىرەئى ئەسھابۇل كەھەب، ھىجرى 1316 ـ يىلى، يەنى مىلادى 1898 ـ يىلى يېزىلغان)، «تارىخى ئەمىنىيە» (ھىجرى 1321 ـ يىلى ماھى رەجەپنىڭ 11 ـ كۈنى، يەنى مىلادى 1903 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تاماملىغان)، «دىۋان مەسنەۋى» (ھىجرى 1325 ـ يىلى، يەنى مىلادى 1907 ـ يىلى يېزىلغان)، «تارىخى ھەمىدى» (ھىجرى 1326 ـ يىلى ماھى شەۋۋالنىڭ 26 ـ كۈنى، يەنى مىلادى 1908 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تاماملىغان)، «سالامنامە» (ھىجرى 1334 ـ يىلى ماھى زۇلقەئدە، يەنى 1916 ـ يىلى 9 ـ ئايدا يېزىلغان) قاتارلىقلاردۇر. ھازىر ئۇنىڭ يەنە پارس تىلىدا يازغان بىرنەچچە شېئىرلىرى ساقلىنىپ قالغان. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ يەنە «تەزكىرەئى خوجا ئاپاق» (تەزكىرەئى خوجا تەزكىرىسى)، «فەرھاد ۋە شىرىن» ناملىق تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغانلىغىمۇ مەلۇم. ① بىراق، ئۇنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» ناملىق يىرىك تارىخىي ئەسىرى مىلادى 1904 ـ يىلى رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە رەسمىي نەشر قىلىنغاندىن باشقا، قالغان ئەسەرلىرى تېخىچە ئاپتورنىڭ ئۆز قوليازمىسى ياكى باشقىلارنىڭ كۆچۈرمىسى ھالىتىدە قالغان.

① ئەنۋەر بايتۇر قاتارلىقلار: «موللا مۇسا سايرامى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى»، 1983 ـ يىلى.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان «تەزكىرە تۈل ئەۋلىيا» بىلەن «دەر بايان ئەسھابۇل كەھەب» ناملىق ئەسەرلەردە، ئاساسەن، قەشقەر، ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ، كۇچار، كورلا ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى مازار ـ ماشايىخلارنىڭ تارىخى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنغان. «تەزكىرە تۈل ئەۋلىيا»دا، ئىلگىرى شىنجاڭ رايونىدا كەڭ تارقالغان «تەزكىرەئى سۇلتان قۇرمىش» (تەزكىرەئى ئەۋلىيا) دېگەن ئەسەردىكى ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈيئوغلى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ غازات قىلىشى، يەنە باشقا بىرنەچچە ئەۋلىيالارنىڭ بۇ جايدا شېھىت بولۇشى قاتارلىق خاتا مەزمۇنلارغا قاتتىق رەددىيە بېرىلگەن، جۈملىدىن تۇرپاندىكى ئەسھابۇل كەھەب مازىرىنىڭ تەرىقەتىلەر تەرىپىدىن ئۇيدۇرۇپ چىقىرىلغان بىر جاي ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان. بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى «تارىخى ھەمىدى»دىمۇ قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ.

① نىم شېھىت ئارىمىيە: «موللا مۇسا سايرامى ھەققىدە».

«دىۋان مەسنەۋى» بىلەن «سالامنامە» بولسا، ئاپتورنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ھەم كىشىلىك ئەخلاق توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتور بۇ ئىككى ئەسەردە بىرنەچچە ئىلغار پەلسەپە كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ ئىككى ئەسەردە يەنە، ئۇنىڭ پەلسەپە كۆزقاراشلىرىدا بىرنەچچە يېڭى بۇرۇلۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىغىمۇ كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى ئەسىرىدە، يەنى 1916 ـ يىلى كۆزدە ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولغاندا، ئۆزىنىڭ بىر تۇققان ئىنىلىرى ئىسلام ئاخۇن، قاسىم ئاخۇن ۋە ھىلاخۇنلارغا يازغان «سالامنامە»سىدە، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا بىر تۇتاش ئىلغار پەلسەپە قاراشلىرىغا ۋە ئەدەبىي جەھەتتە زور ماھىرلىققا ئىگە بولغانلىغى كۆرۈلىدۇ.

2

«تارىخى ھەمىدى» موللا مۇسا سايرامىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى مۇھىم تارىخىي ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەرنى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى يازغان «تارىخى ئەمىنىيە» دېگەن ئەسىرى ئاساسىدا، ھىجرى 1326 ـ يىلى ماھى شەۋۋالنىڭ 26 ـ كۈنى (مىلادى 1908 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى) يېزىپ تاماملىغان. ئاپتورنىڭ ھىجرى 1326 ـ يىلى ماھى رەجەپنىڭ 10 ـ كۈنى (مىلادى 1911 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى) ئۆز قەلىمى بىلەن كۆچۈرۈپ چىققان بىر قوليازمىسى ھازىر جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىدا ساقلانماقتا. كىتاب پاتلىق گېزىت قەغىزىگە يېزىلغان بولۇپ، ماۋزۇلىرى قىزىل سىيادا، مەزمۇنى قارا سىيادا قۇمۇچ قەلەم بىلەن خەتتى نەسخى تەلئىق ئۇسلۇبىدا كۆچۈرۈلگەن. ئۇ جەمئىي 399 بەت بولۇپ، ھەر بىر بەتنىڭ ھەجىمى 16.5×21.5 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ھەر بەتكە 15 ـ 19 قۇر خەت يېزىلغان، تېكىست ھەجىمى 11×15.5 سانتىمېتىر. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاپتور بۇ ئەسەرنى ئۆز قەلىمى بىلەن بەش نۇسخە كۆچۈرۈپ تارقاتقان . ① شۇڭلاشقا، بۇ، ئاپتورنى ”تېخىمۇ قېرىلىق، كېسەللىك ۋە ئاجىزلىق“ ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويغان. ②

ئاپتور «تارىخى ھەمىدى»دە بۇرۇنقى «تارىخى ئەمىنىيە»نىڭ دىباچە، بىر مۇقەددىمە، ئىككى داستان ۋە بىر خاتىمىدىن ئىبارەت ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى ۋە ئومۇمىي مەزمۇنىنى ساقلاپ قالغان. ھەتتا بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ ماۋزۇلىرىمۇ تامامەن دېگۈدەك ئوخشاش. بىراق، مىلادى 1904 ـ يىلى «تارىخى ئەمىنىيە» قازاندا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتور بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى يېتەرسىزلىگى، بەزى مەسىلىلەرنىڭ خاتا بايان قىلىنغانلىغىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ توغرىلاش ۋە تولۇقلاش مەقسىتىدە، مەزكۇر ”تارىخى ھەمىدى“نى يېزىپ چىققان. بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ ئاساسىي پەرقى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، بۇ ئەسەردە «تارىخى ئەمىنىيە»نىڭ دىباچە قىسمى ئۆزگەرتىپ يېزىلغان. بولۇپمۇ بۇ كىتابقا «تارىخى ھەمىدى» دەپ ئات قويۇشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەپلىرى ئالاھىدە بايان قىلىنـغان. شۇنداقلا «تارىخى ئەمىنىيە»نىڭ 1 ـ بابى، يەنى ”قىسسەئى ئادەم سانى نۇھ پەيغەمبەردىن تا بۇدەمگىچە بۇ موغۇلىستان يۇرتى ۋە يەتتە شەھەر ئەھۋالاتى ۋە ۋەقەئاتلىرى ۋە قايسى تايىپە ھۆكۈمرانى ۋە تەئەللۇقاتى ۋە موغۇلىيە تەسمىيە قىلماقغە سەۋەب ۋە بائىس نەئىركەنى ۋە مۇسۇلمان خانلىرى نەسەبى ۋە خاقانى چىنى بۇ يەتتە شەھەرگە ئىستىلا تاپقانى مۇجەمەلەن شەممە ۋە ئىندەكى بايان ۋە تەقرىرى“ دېگەن باب «تارىخى ھەمىدى»دە ئىككى بابقا ئايرىلىپ، ”ئۇل پادىشاھى جاھانگىر چىڭگىز قاغانكىم موغۇل خانلىرىنىڭ سەردارى، ئەرەب ۋە ئەجەم بەلكى مەشرىقەيىن ئىچىدەكى خانلار (نىڭ) خانى ئېردى ــــ ئىستىلاسى ۋە تەئەللۇقاتى ۋە ئەييامى دۆلەت ۋە كامرانى مۇددەت سەلەتەنەت ۋە ھۆكۈمرانى، ئەۋلاد ـ ئەخفارلىرى تەئدادى، ئەمرايى ۋە نويانلىرى ئىستىقلالى زىكرى ۋە ئىندەكى نەمۇنە بايانى“ دېگەن يېڭى مەزمۇن قوشۇلغان، يەنە «تارىخى ئەمىنىيە» ئىككىنچى داستان قىسمىدىكى 7 ـ باب، يەنى ”ئۇل خالىقى خەللاق لۇتفى ئىنايىتى بىرلى جانابى شەھمىرى يار ئافاق ئەئنى مۇھەممەت ياقۇب بەك غازى خوش ئەخلاق بۇ يەتتە شەھەر ـــ موغۇلىستان يۇرتىغە ئىستىلا تاپقانى ۋە ئەدەلى بىساتىن ياپقانى ۋە خەلفەئى رۇمغە ئەلچى ئىبەرىپ، يارلىغ ۋە بايزەلەر ھاسىل ئەتكەنى ۋە بىرنەچە ۋەقئە ھايلەلەر روي بەرگەن بايانى“ دېگەن بابمۇ ”تارىخى ھەمىدى“دە ئىككى بابقا ئايرىلىپ، ئۇنىڭغا ”ئۇل خادىم ئەلەھ رەمەيىن ئەشرەفىن ئەمرۇلمۇئمىنىن خەلىفەرۇي زېمىن ئەئنى ئابدۇلئەزىزخان ئىسكەندەرئۇلجانىغا ئىنايەت ۋە ئىتائەت قىلىپ، ئەرزە بېرىلەئەلچى، ھەدىيە ۋە ساۋغە بىرلى بەيئەتنامە ئىبەرگەن ۋە خەلىفەرۇي زېمىن نىڭ تەيىد ئەتۋارلىرىغە مۇقەببەل تۈشۈپ يارلىغ، بايزە مەنسەب ۋە تاج ئالاھىدە ئىبەرىپ ۋە بۇ يەتتە شەھەرنى ئۆز ھىمايەتلىرىغە ئالىپ، رۇمغە تابىئە قىلغانلىرى ۋە ۋەقئەلەر بايانى“ دېگەن مەزمۇنلار قوشۇلغان. «تارىخى ھەمىدى»نىڭ خاتىمە قىسمىغا بولسا، ئاپتورنىڭ 1898 ـ يىلى يېزىلغان «دەر بايان ئەسھابۇل كەھەب» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بېرىلگەن.

ئىككىنچى، «تارىخى ئەمىنىيە»دىكى مۇھىم مەلۇماتلىق سانلار، بولۇپمۇ مۇھىم ۋەقەلەر يۈز بەرگەن يىللار، پەسىللەر، ئايلار ۋە كۈنلەر، مۇھىم ئۇرۇشلارغا قاتناشقان قارشى ـ قارشى تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ سانى ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلار، «تارىخى ھەمىدى»دە تامامەن ئۆزگەرتىپ يېزىلغان ياكى تۈزىتىپ تولۇقلانغان.

ئۈچىنچى، «تارىخى ئەمىنىيە»نىڭ ماۋزۇلىرى، نۇرغۇن مەزمۇنلىرى تىل، يېزىق ۋە تەسىر جەھەتتىن «تارىخى ھەمىدى»دە نۇرغۇن ئۆزگەرتىلگەن. بولۇپمۇ «تارىخى ئەمىنىيە»دىكى بەزى نەزم ۋە قوشاقلار، ماقال ـ تەمسىللەر ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يېزىلغان.

«تارىخى ھەمىدى» «تارىخى ئەمىنىيە»گە قارىغاندا، مەزمۇن جەھەتتىن تولۇق، ماتېرىيال جەھەتتىن خېلى توغرا، تىل ۋە ئۇسلۇپ جەھەتتىن خېلى گۈزەل، ھەجىم جەھەتتىن خېلى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ «تارىخى ئەمىنىيە»گە قارىغاندا ياخشى كۆچۈرۈلگەن ئەمەس. بۇنىڭدا ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقلار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ، ھەتتا نۇرغۇن جايلاردا سۆز، جۈملە ۋە ئابزاسلار چۈشۈپ قالغان. بۇ ھال ئاپتورنىڭ بۇ چاغدا خېلى ياشىنىپ قالغانلىغى، جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلاشقانلىغى، شۇنداقلا ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ئەسەرنى تېز تۈگىتىشكە بەك ئالدىرىغانلىغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ـــ ئەلۋەتتە.

«تارىخى ھەمىدى» دىباچە قىسمىدىن باشقا، ”مۇقەددىمە“ قىسمى جەمئىي ئالتە بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، قوليازمىدا جەمئىي 70 بەت. بۇنىڭدا ئاساسەن ئالەم ۋە ئادەمنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى دىنىي رىۋايەتلەر، قەدىمقى تۈركى قەۋملەر، موڭغۇللار ۋە مىلادى 13 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى چىڭگىزخاننىڭ غەربىي يۈرۈشلىرى، چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەھۋالى، موڭغۇل دوغلات قەبىلىسىنىڭ مىلادى 13 ـ ئەسىردىن 16 ـ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ”ماڭلاي سۈيە“ (جەنۇبىي شىنجاڭ) رايونىدىكى پائالىيەتلىرى، چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى تەرىپىدىن قۇرۇلغان موغۇلىستان خانلىغىنىڭ مىلادى 14 ـ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن 16 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ھۆكۈمرانلىغى، مىلادى 16 ـ ئەسىردىن 17 ـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن يەكەن خانلىغىنىڭ ئەھۋالى، تەيىقەچىلەرنىڭ يەكەن خانلىغى دەۋرىدىكى پائالىيەتلىرى، مىلادى 17 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىدىن كېيىن تەختكە چىققان ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ تاكى 19 ـ ئەسىرنىڭ 60 ـ يىللىرىغىچە بولغان تارىخى ۋەقەلىرى بايان قىلىنغان.

«تارىخى ھەمىدى»نىڭ ”ئەۋۋەلگى داستان“ قىسمى جەمئىي 16 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئەسلى قوليازمىدا جەمئىي 75 بەت. بۇنىڭدا ئاساسەن 1864 ـ يىلى كۆتۈرۈلگەن كۇچار دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غەربتە يەكەن، قەشقەرگىچە، شىمالدا تىيانشان تاغلىرىغىچە، شەرقتە قۇمۇلغىچە، جەنۇبتا لوپنۇر ۋە قارا قۇرۇم تاغلىرىغىچە بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزۈش جەريانى، قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئەھۋالى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ شۇئارى، مۇھىم ئۇرۇش ـ جەڭلىرى، ئاقىۋىتى قاتارلىق ئەھۋاللار بايان قىلىنغان. شۇنداقلا شۇ يىللىرى قوزغالغان خوتەن دېھقانلار قوزغىلىڭى (ھەبىبۇللاخان قوزغىلىڭى)، يەكەندىكى ئابدۇرراخمان باشچىلىغىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى، قەشقەردىكى سىدىقبەك باشچىلىغىدىكى دېھقان، چارۋىچىلار قوزغىلىڭى، ئۈرۈمچىدىكى داۋۇت خەلپە (تۆدەلۈڭ) باشچىلىغىدىكى خۇيزۇلار قوزغىلىڭى، ئىلى رايونىدىكى مەزەمزات باشچىلىغىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى قاتارلىق قوزغىلاڭلارنىڭ ئەھۋالىمۇ قىسقىچە بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ كۇچار، يەكەن، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بەدۆلەت باققىنچىلىغىغا قارشى كۈرەشلىرى ئالاھىدە ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

«تارىخى ھەمىدى»نىڭ ”ئىككىنچى داستان“ قىسمى جەمئىي 20 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئەسلى قوليازمىدا جەمئىي 172 بەت. بۇ قىسىمدا ئاساسەن قوقان خانلىغىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى بەدۆلەت (مۇھەممەت ياقۇب بەك) ھەم ئاپاق خوجا ئەۋلادى بۇزرۇك خان خوجىنىڭ قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچار، كورلا، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىشى، ئۇنىڭ قەشقەر، يەكەن، خوتەن، كۇچار، ئۈرۈمچى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى رەھىمسىز باستۇرۇشى، قوقان خانلىغى، تۈركىيە سۇلتانلىغى ۋە ئىنگلىيە، چاررۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، ئۇنىڭ تەدبىر ۋە سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ بەدۆلەتنىڭ ئۆلۈمى ئالاھىدە ۋە تۇنجى قېتىم بايان قىلىنغان. بۇ قىسىمدا يەنە ئاپتورنىڭ ئۆز نەسەبنامىسى، بەدۆلەت دەۋرىدە ياشىغان ئالىم ۋە ئۆلىمالار، شۇنداقلا شەنشى، گەنسۇ خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيەتلىرىمۇ بايان قىلىنغان.

«تارىخى ھەمىدى»نىڭ ”خاتىمە“ قىسمى ئەسلى قوليازمىدا 73 بەت بولۇپ، ئاساسەن قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، كۇچار، كورلا قاتارلىق يەتتە شەھەر ۋە تۇرپان، لوپنۇر رايونىنىڭ تارىخى، ئاھالىسى، جۇغراپىيىسى، تىل ۋە ئۆرپ ـ ئادەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ تۇرپاندىكى ئەسھابۇل كەھەب ھەققىدىكى بىر قانچە رىۋايەت ھەم ئاپتورنىڭ بۇ غار ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرى بايان قىلىنغان.

ئومۇمەن، ئاپتور بۇ ئەسەرنى يازغاندا، ئاساسەن 1864 ـ يىلىدىكى كۇچار دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە بەدۆلەتنىڭ باسقۇنچىلىق ئۇرۇشلىرىنى بايان قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي ۋە كەڭ توختالغان.

3

موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ھەمىدى»دە تارىخ ئەھلى ئۈزۈندىن بويان دىققەت بىلەن قاراپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي تەتقىقات تېمىلىرى بولغان بىرنەچچە مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە خېلى ئوبيېكتىپ ۋە توغرا خۇلاسىلارنى چىقارغان.

بىرىنچى، ئاپتور بۇ ئەسەردە 1864 ـ يىلىدىكى پۈتۈن شىنجاڭ رايونىنى قاپلىغان دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ، بولۇپمۇ كۇچار دېھقانلار قوزغىلىڭى، بەدۆلەتنىڭ بۇ دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىغا قارشى جازا يۈرۈشلىرى، دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى باتۇرلارچە كۈرەشلىرىنى تۇنجى قېتىم تەپسىلىي، مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىنكى دەۋرلەردە، بۇ مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ خەنزۇچە يېزىلغان «شىنجاڭنى تىنجىتىش خاتىرىلىرى»، «غەربكە سەپەر قىلىش خاتىرىلىرى»، «شەنشى، گەنسۇ خۇيزۇلىرى ئىسيانلىرىنى تىنجىتىش خاتىرىلىرى» ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن يېزىلغان «غەربىي رايوننى باشقۇرۇش تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلەر، شۇنداقلا ئىنگلىزلىق دىمىترى چارلىس بولجېر تەرىپىدىن يېزىلغان «ياقۇب بەك تارىخى»، رۇسىيىلىك كروپاتكىن تەرىپىدىن يېزىلغان «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابلارمۇ يۇقىرىقى ۋەقەلەرنى ھېچقاچان «تارىخى ھەمىدى»دەك تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق بايان قىلمىغان. بۇ ھال موللا مۇسا سايرامىنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە بىۋاسىتە قاتناشقانلىغى ۋە كېيىنچە بۇ ۋەقەلەر ئۈستىدە تەپسىلىي، جاپالىق تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغانلىغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاپتور بۇ ۋەقەلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، بىر مەزگىل ئاپاق خوجا مازىرى بىلەن ئەسھابۇل كەھەبنىڭ داش قازانلىرىدىن ئاش يېيىشكە مەجبۇر بولغانلىغىنى يازىدۇ. ① شۇڭلاشقا، بۇ ئەسەر تا بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇئەييەن ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. ① «تارىخى ھەمىدى»، قوليازما.

ئىككىنچى، ئاپتور بۇ ئەسەردە ئەينى زاماندا جۇڭگودىكى مىللەتلەر زىندانى بولغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەشەددىي مىللىي زۇلۇم سىياسىتى ۋە يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ فېئوداللىق زۇلۇمىنى قاتتىق پاش قىلغان. ئۇ بۇ خىل زۇلۇملار ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ: ”رەئىيەلەر ئۈستىگە ئالۋان ـ ياساق جۇۋالغە تولا بولدى، ئاراملىق ئەنقا تۇخۇمىدەك پىنھان ئولدى ۋە تىنجلىق سۈمۈرغدەك كۆھقاپ ئىچىدە ۋەتەن تۇتتى، پۇلى بار ئادەم خىتايغا ۋە كاتتا بەگلەرگە پۇل بېرىپ ھىمايەتىگە كىردى. كۆللەڭ يۇرتدارلىق مۇئەنىتى پۇلى يوق بىچارە غېرىپ، يېتىملەرگە قالدى. كۆتەرەلمەي يەر، سۇ، چاھارپاي ۋە ئەسباب رۇزگارلىرى خىتايلارغا كۆرۈۋگە كەتتى. (ئۇلار) دەرگاھى ئىلاھىغا كۆز ياشلىرىنى تۆھپە ئەيلەپ يىغىزارىلەرغە تۇردى“ دەپ يازىدۇ. ئۇ: بەگلەر ”يۇرت ياخشى فازىللىرىنى كۆزىگە ئىلمادى ۋە فۇقرا ـ رەئىيەلەر كۆز ياشلىرىدىن پەرھىز ۋە ئېھتىيات قىلمادى، ۋابال دېگەننى خاتىرىگە يول بەرمەدى، مەنسەپ ئارزۇسى ۋە بەرگەن پۇل، كۆمۈشلەر غېمىدىن ئۆزگە غەملەرگە كەچمەدى. زاھىرەن ئۇلۇغ خانغا خىزمەت قىلىپ، چېرىكلەرنى بېقىپ، يۇرتلارنى ساقلادۇق دېدى، ئەمما مەئنىنى ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلىتى بىخ ـ نەبىياتلىرىنى كېسىپ قۇرۇتۇشلىرىغە سەئىي سەبەبلىرىنى قىلدى“ ① دەپ يازىدۇ. دېمەك، ئاپتور بۇ ئەسەردە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى بىلەن يەرلىك فېئوداللارنىڭ ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ، يەرلىك ھەر مىللەت خەلقىگە سالغان بالايى ـ ئاپەتلىرىنى رەھىمسىز پاش قىلغان ۋە بۇنى ئەينى زاماندىكى شىنجاڭ جەمىيىتىنىڭ تۈپكى زىددىيەتلىرى دەپ قاراپ، ئۆزى ياشىغان زامان ۋە دەۋر ھەققىدە توغرا خۇلاسىغا كەلگەن. شۇنداقلا ئاپتور تامامەن خەلقپەرۋەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، 1864 ـ يىلى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇنىڭ مىللىي زۇلۇم ۋە فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى ئىجابىي تەرەپلىرىنى مەدھىيىلىگەن. ئۇ: ”ئاجىز فۇقرالەرنىڭ تاقەتلىرى تاق ئولۇپ، ئول خالىقى خەللاق دەرگاھىغا كۆزلەرىدىن قەتران ـ قەتران بەلكى دەريا ـ دەريا ياشلار جان ئاچچىغى ۋە پۇل ئاچچىغىدىن رەۋانە ئەيلەدى، بۇ ئاچچىغ ياش ئەسراتى دۆلەت دەرەختلىرى يىلتىزىغە تەئسىرلەر قىلىپ قۇرۇماقلىغىغە سەبەب ۋە بائىس بولدى. ئاز فۇرسەتتە كۆللەڭ خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلىرى جەمئىسى يوق بولۇپ، زېمىن بىرلى بەراۋەر ۋە يەكسان بولۇپ كەتتى.“ ① دەپ يازىدۇ. ① «تارىخى ھەمىدى»، قوليازما.

ئۈچىنچى، ئاپتور بۇ ئەسەردە شۇ قېتىمقى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى تۈپكى سەۋەپلىرى ھەققىدە نۇرغۇن جايدا تەپسىلىي توختىلىدۇ ۋە ناھايىتى ئوبيېكتىپ خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئۇ، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭلارنىڭ بولۇپمۇ كۇچار قوزغىلىڭىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەپلىرىنى بەدۆلەتنىڭ باسقۇنچىلىق ئۇرۇشلىرى، دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇھى ئىچىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن بولغانلىغىنى بايان قىلىش بىلەن باراۋەر، يەنە: ”كۇچاردا مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلىيۇللا مازار فايىزۇلئەنۋارلىرىدا شەيىخلىق مۇقام ۋە جەرەلىرىنى ئۆزلەرىگە سەنەد ۋە فەخرى مۇباھاتلار بىلىپ، مازار بېغىغا قاتىپ ۋە سىغىپ كەلگەن بۇ خوجاملار، بۇ يەتتە شەھەرگە بەلكى موغۇلىستان ئۆلكىسىگە سىغمادى ۋە پاتمادى. قارابەت ۋە ئىتتىپاقلىرى مۇخالىفەت ۋە نىفاقغە مۇبەددەل ئولدى. مۇخالىفەت ۋە نىفاقلىرى، مۇخاسىمەت ۋە ئاداۋەتكە يۈز قويدى، بۇ دۆلىتى ئەزىزەنىڭ قەدرىنى بىلمەدى ۋە شۈكۈرانەلەرىنى بەجا كەلتۈرەلمەي كۇفۇرانەنىئمەت قىلىپ، غەررە ۋە غۇرۇرلۇق بىرلى مۇفەتتۈر ئىكەن ـ قۇلىدىن بەردى…. مازارى شېرىف ۋەقىف ـ ئەۋقافلىرىغە قانائەت قىلغان ۋە دېھقان ـ ئەشرەفلەر ئۆشرە، زاكەت ۋە نەزىر سەدەقاتلىرىغە ھاجەت كەلتۈرگەن ۋە مازارى شېرىف ئىچىدە ۋەتەن تۇتۇپ ۋە ھۇجرا ئىچرە بوريا سېلىپ تائەت ۋە ئىبادەت بىرلى ئۆمۈركەچۈرگەن بىر جۇۋ نان، قاق ۋە بىر تاباق گۆلە قاقغا خۇرسەند بولۇپ كەلگەنلەر، ئول خالىقى خەللاق ۋە فەتتاھى رەززاق لۇتفى ئىنايىتى بىرلى بىر ئاندا پادىشالىق تەختى ۋە ھۆكۈمرانلىق مەسنەدىدە بىر قارار ئولدىلەر……ئەمما بۇ خوجاملارنىڭ ھەر بىرى ئەرتە بىلەن ناشتالىقغە كۆنە ـ كۆن ھالۋا، مۈيىز، قەندالات ۋە نەچە قىسىم مۇراپبا، مەئجۇن، شەربەت، مۇفەررىھات ۋە نەمكىن قاقلان كابابلار، خۇشاك، تاڭ بوفا، لەزىز ۋە شېرىن بېجىنچە تائاملار، ئالۋان، ئالۋان تۈرلۈك نازى ـ نېئمەت ۋە زەنان ھۆررىي سۈپەتلەر ئالدىدا ھازىر بولغاچ، ئىلگىرىكى ئەھۋالاتلارىنى فارامۇش ئەتتى. ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئىسلام ئاچتۇق ۋە پادىشاھلىقنى تاپتۇق ۋە كەتمەس دۆلەتكە ئولاندۇق دەپ، ئەتراپلىرىدىكى پادىشاھلىق ئەھلىلەرىنى كۆتەرگەن پادىشاھلار بىرلى مۇۋاسا ۋە مادارا قىلمادى، بەلكى كۆزىگە ئىلمەدى“. ① دەپ يازىدۇ. ئاپتورمانا مۇشۇ مەسىلىلەرنى، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى تۈپكى سەۋەبى دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مەۋقىيەسىدىن ۋازكەچكەن، سىنىپىي مەيدان ۋە مەپكۇرىسىنى پەسكە ساتقان، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئەتىدىن ۋازكېچىپ، قىيىن كۈنلەردە يار يۆلەك ۋە ھەمدەمدە بولغان كەڭ ئەمگەكچىلەرنى ئاياق ئاستى قىلغان بەزى قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىگە قاتتىق نەپرەت بىلەن قارايدۇ. ئاپتورنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى بۇ خىل ئۈستۈنلۈگى، ئۇنىڭ زامانداشلىرى ئارىسىدا ناھايىتى كام ئۇچرايدۇ. ① «تارىخى ھەمىدى»، قوليازما.

تۆتىنچى، ئاپتور گەرچە بەدۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان مىرزا بابا بەك ھېسارىنىڭ قول ئاستىدا ئون يىل مىرزا بولۇپ ئىشلىگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ بەدۆلەت ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا خېلى نەپرەت بىلەن قاراپ، ئۇلارنى پاش قىلىدۇ. بولۇپمۇ بەدۆلەتنىڭ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ھىلە ـ مىكىرلىك يوللارنى ئۆگەنگەنلىگى، ئۇنىڭ ئالدىمچىلىغى، ئىككى يۈزلىمىلىكى، قانخورلۇغى، ئىستىبداتلىغى ئەسەرنىڭ بىرنەچچە جايلىرىدا ئوچۇق پاش قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ بەدۆلەتنىڭ دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنى قانلىق باستۇرغانلىغىغا قاتتىق نەپرەت بىلەن قارايدۇ. ئۇنىڭ بەزى جەڭلەردە مەغلۇپ بولغانلىغىنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى بولسا شىنجاڭدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى تۈپكى سەۋەپلىرى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قوقان خانلىغى، تۈركىيە سۇلتانلىغى، ئىنگلىيە، چاررۇسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يەتتە شەھەرنى تۈركىيە سۇلتانلىغىنىڭ ھامىلىغىغا تاپشۇرغانلىغىنى پاش قىلىدۇ. ئومۇمەن، «تارىخى ھەمىدى» بۇ دەۋردىكى شىنجاڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ئىلمىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يولداش ماۋ زېدۇڭ: ”قەدىمقى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەتلەش جەريانىدا، ئۇنىڭ فېئوداللىق شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، دېموكراتىك جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىش لازىم. بۇ مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىللىي ئىشەنچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتى. لېكىن زادىلا تەنقىتسىز يۇتۇۋېلىپ ساقلىماسلىق كېرەك.“ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. «تارىخى ھەمىدى» بىزنى گەرچە بىرنەچچە مۇھىم ۋە ئىشەنچلىك تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىرنەچچە پۈچەك مەزمۇنلىرىمۇ بار.

بىرىنچى، ئاپتور ئەسەردە بايان قىلىنغان بارلىق ۋەقەلەرگە باھا بېرىشتە، بولۇپمۇ بۇ تارىخىي ۋەقەلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تارىخىي شەخسلەرگە باھا بېرىشتە، ئومۇمەن ئىسلام دىنىنىڭ تۈپكى ئەقىدىلىرىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ بەدۆلەتنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىغىنى پاش قىلىش بىلەن تەڭ، ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنى رىۋاجلاندۇرغانلىغى، ھەر خىل مازار ـ ماشايىخلارنى تۇرغۇزۇش، قوغداش، ئىسلام ئەقىدىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىش تەرەپلىرىنى، ھەتتا ئۇنىڭ غەيرى ئىسلام دىنىدىكى مىللەتلەرگە بولغان دىنىي ئۆچمەنلىكىنى مەدھىيىلەيدۇ. بەزى جايلاردا ئۇنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ. بەزى ۋەقەلەرنى بايان قىلىشتا، بولۇپمۇ دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنى بايان قىلىشتا، ئۇنىڭ تۈپكى سىنىپىي ماھىيىتىنى دىنىي پەردە بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ دىنىي پەردىسىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلەيدۇ.

ئىككىنچى، ئاپتور ئەسەرنىڭ بەزى جايلىرىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى ئوبيېكتىپ پاش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى جايلاردا بۇ خىل زۇلۇمنى ”كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇمى“ دەپ قاراپ، قانداقتۇر ”مۇسۇلمان“لارنىڭ ”كاپىر“لارغا قارشى ھەر قانداق زىددىيەت ۋە قارشىلىغىنى مەدھىيىلەيدۇ ھەم مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ھەتتا بەزى جايلاردا مىللىي ئۆچمەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان جۈملىلەرنى ئىشلىتىپ، مىللىي زىددىيەتلەرنى ناھايىتى كۆپتۈرۈپ ۋە ھاقارەتلىك تىللار بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ھال ئاپتورنىڭ چوڭقۇر دىنىي ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتىگە بەزى نۇقسانلارنى يەتكۈزىدۇ.

ئۈچىنچى، ئاپتورنىڭ قېرىنداش مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەر، جۇڭگودا ھۆكۈم سۈرگەن سۇلالىلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى ئاساسەن قۇربان ئەلى خالىد بەكنىڭ “تاۋارىخى خەمسەئى شەرقى” دېگەن ئەسىرىدىن ئالغان بولۇپ، بۇ ماتېرىياللار ئاساسەن رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغان ۋە ئىشەنچلىك ئەمەس. ئومۇمەن، «تارىخى ھەمىدى» ئۆزىنىڭ بۇ خىل نۇقسانلىرىغا قارىماي، يەنىلا مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە بىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

ئەنۋەر بايتۇر

بسم الله الرحمن الرحيم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

ئەي مەۋجۇتلۇغى زۆرۈر بولغان ئاللا! چەكسىز ۋە تەڭداشسىز ھەمدۇ ـ سانا ساڭا خاستۇركى، ھەممە مەخلۇقلىرىڭغا كەڭرى رىزقى ۋە ئېھسان سەپەندۇر. سېنىڭ ئۇلۇغ زاتىڭ يەككە ـ يېگانىدۇر. ھەممە سۈپەتلىرىڭ پاك ۋە ئەيىبسىز، مەرتىۋەڭ ئالى، پادىشاھلىغىڭ ئۇلۇغ بولۇپ، ئاسمان ۋە زېمىن ئىچىدىكى ھەممە مەخلۇقلار پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدە ۋە قەھرى سىياسىتىڭنىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ. ھەقىقىي پادىشاھلىق پەقەت ساڭىلا خاسكى، سەن ھەمىشە بولغۇچى ۋە باقى پادىشادۇرسەن. ياراتقان مەخلۇقلىرىڭ بولسا ھەممىسى فانىدۇر.

ئاللا ئەگەر خالىسا، سەلەتەنەت تاجىسىنى ھەر بىر كىشىنىڭ بېشىغا كىيدۈرەلەيدۇ، ئەگەر خالىسا، بۇ تاجىنى يەنە ئۇنىڭدىن ئالالايدۇ؛ ئەگەر خالىسا ئۇنى ئۇلۇغ دەرىجىگە يەتكۈزەلەيدۇ، خالىسا، ئۇنى يەنە خار قىلالايدۇ؛ ئەگەر خالىسا، ئۇنى توغرا يولغا باشلىيالايدۇ، خالىسا، ئۇنى يەنە توغرا يولدىن ياندۇرالايدۇ؛ ئەگەر خالىسا، پەس كىشىنىڭ دەرىجىسىنى مەرتىۋىلىك قىلالايدۇ، خالىسا، مەرتىۋىلىك كىشىنىڭ دەرىجىسىنى يەنە پەس قىلالايدۇ. ئۇ ھەر ـ قانداق ئىشنى قىلىشقا قادىر ۋە تاۋانادۇر.

ئەي قۇدرەتلىك ئاللا! ئەگەر سەن ياراتقان مەخلۇقلىرىڭغا نېمە ھۆكۈم قىلاي دېسەڭ، شۇنى قىلىشقا قۇدرىتىڭ بار. سېنىڭ ھۆكۈمىڭنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا، ئەمىرىڭنى ياندۇرۇشقا بولمايدۇ. مۇرسەل، نەبى، ئەنبىيا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇلارغا خۇدانىڭ رەھمىتى بولسۇن)لەرنى بىزگە ئۇلۇغ پادىشا قىلىپ ئىبەردىڭ. ئۆز كىتابىڭدا (قۇرئاندا ـ ت) بۇلار ھەققىدە قىسسە ۋە ھېكايىلەرنى سۆزلىدىڭ، بۇرۇنقى زامانلاردا ئۆتكەن خالايىقلار، ئادىل ياكى زالىم پادىشالار ۋە شۇ زامانلاردا ئۆتكەن ۋەقە ـ ھادىسىلەر ھەققىدىمۇ خەۋەر بەردىڭ. بۇ بولسا، سېنىڭ ئۆز ياراتقان مەخلۇقلىرىڭغا كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ قىسسە ۋە ھېكايىلەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۆتكەن ئىشلاردىن ئىبرەت ئالسۇن ۋە ئۇ ۋەقە ـ ھادىسىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇلارنى ياد ئېتىپ ئەسلەپ تۇرسۇن دېگەنلىكىڭدىن ئىشارەت ۋە ئىبارەتتۇر.

بۇ ئالەمدىن كەتكەن خالايىقنىڭ ھەر بىرىدىن ياخشىلىق ياكى يامانلىقنىڭ بىرەر ئەسەر ـ ئالامىتى باقى ساقلىنىپ قالىدۇ. تارىخ كىتابلىرى بولسا دەل ئەنە شۇ ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ۋەقەلىرىنى، ئەسەر ـ ئالامەتلىرىنى رەتلەپ، قايتا ئىشلەپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ياكى ھاياتىدىن قىسسە ۋە خەۋەر بېرىدۇ، خالاس.

سالاۋات ۋە زاكىيات (ناماز ۋە زىكىر بىلەن قىلىنىدىغان تەرىپ ـ ت) شۇ ئاخىرقى پەيغەمبەرگە بولسۇنكى، ئۇ پەيغەمبەر بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىككى ئالەمنىڭ ئىلغانغىنى ۋە ياخشىسىدۇر. ئاللا ئۇنى ئۆتكەن زامان ۋە كەلگۈسى دەۋرانغىچە ھۆججەت ۋە گۇۋاھچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇ زاتنىڭ ئۇلۇغ مۇبارەك ئىسمى مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (1) (ئاللانىڭ رەھمىتى ۋە سالاملىرى ئۇنىڭغا بولسۇن) بولۇپ، ئۇ ئاللانىڭ بەندىسى، پەيغەمبىرى ۋە يېقىن دوستىدۇر. ئۇنىڭ ھەسەپ ۋە نەسەپلىرى (ئۇنىڭ نەسەبى ـ ت) ئەمەس بەلكى شۆھرەت بىلەن يېتىدىغان نەسەپلىرى ـ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇغى ھەزرىتى ئىبراھىم خەلىلۇللاغىچە (2) مەھكەم ئۇلاشقان. ئاللا ئۇنىڭغا پادىشاھلىق ۋە پەيغەمبەرلىكنى، ئىنسانلار بىلەن ۋاستىچىلىق قىلىدىغان ئۇلۇغ مەرتىۋە ۋە مەقامى مەھمۇت (3) كەبى ئۇلۇغلۇق ئالى دەرىجىسىنى بەردى. ئاللا بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە پارچە ـ پارچە قىلىپ تەقدىم قىلغان ھەممە ئۇلۇغ پەزىلەتلەرنى جەم قىلىپ، پەقەت ئۇنىڭغىلا بەردى. ئاللا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنى ۋە ھۆكۈملىرىنى بۇ زاتنىڭ نامى ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن بىللە قىلدى. شۇڭلاشقا ئاللانى ئەسلىگەن كىشى ھامان مۇھەممەت رەسۇلۇللانىمۇ بىللە قوشۇپ ئەسلەيدۇ. مۇھەممەت رەسۇلۇللانىڭ شەرىئەتلىرى تا ھازىرقى چاغدىمۇ خۇددى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكىدەكلا جارى قىلىنىدۇ. بۇنىڭ شەرىئەتلىرىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، ئۆزگەرتىشكە ياكى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئەخلاق ۋە يۈكسەك مەرتىۋىنىڭ ئىگىسىدۇر.

غايەت ئۇلۇغ دۇرۇتلار يەنە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇرادەرلىرى ـ ئەنبىيا ۋە مۇرسەلىن ئەلەيھىسسالاملارغا، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەھلى ـ ئەۋلاتلىرىغا، رەپىقىلىرىگە، بارلىق ئۇلۇغ ساھابىلىرىگە بولسۇن. بولۇپمۇ ئەشەرەئى مۇبەششەرەلەرگە (4)، بەدرە ئەھلىگە (5)، ئۇھۇد ئەھلىگە (6)، ئەقەبە ئەھلىگە (7)، سۇففە ئەھلىگە (8) ھەم بارلىق ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم (ئاللا ئۇلاردىن رازى بولغاي)، خەلىپىلەر، پادىشالار، ئەمىرلەر، ئۆتكەندىكى سۇلتانلار، شەرىئەتتۇتار ئۆلىمالار، دىندار قازى ۋە ئىمام پېشۋالار، يۇرتنىڭ ھەم ئەگىشىشكە لايىق بولغان ياخشى بەندىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئاللا رەھمەت قىلغاي ۋە ئۇلاردىن رازى بولغاي. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئاللانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ياخشى بەندىلىرى ئىدى. قەدىمقى زاماندىن بۇ زامانغىچە ئۆتكەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتىدىغانلارغا، ھەتتا قىيامەتكىچە يۇقىرىقىلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، چىن ئىخلاسى بىلەن توغرا يولدا ماڭغۇچىلارغىمۇ ئاللانىڭ رەھمىتى كۆپتىن ـ كۆپ، مەڭگۈدىن ـ مەڭگۈگە بولغاي.

ئەمما بەئدۇ (ئاللاغا ھەمدۇ ـ سانا، پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى، ساھابىلىرىگە دۇرۇت ـ ت)دىن كېيىن، مەڭگى نامسىز ۋە ئېتىۋارسىز بۆلۈك ـ پۇچقاقدىن ماكان تۇتقان، بىنىشانلىق كۇچىسىدا مەستۇرە (يوشۇرۇن ـ ت) ياشايدىغان كەمبەغەل ۋە كەمتەر، كۆپ ئەيىپلىك موللا مۇسا ئىبنى موللا ئەيسا خوجا سايرامىنىڭ ئاجىزلىق ۋە پەقىرلىق بىلەن قىلغان ئەرزى مەلۇماتىم، شۇ جاھان پازىللىرى ۋە ئاقىللىرى، ساغلام تەبىئەتلىك دانىشمەنلەر، دەۋران ئالىم كامىللىرىنىڭ قۇياش نۇرىدەك يورۇق، دىلىغا ۋە توغرا زېھىنلىرىگە يېتىپ ئاشكارا بولغايكى، بۇ موغۇلىستان يۇرتى (9) قەدىمقى زامانلاردا مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدىن كېيىن فەغفۇرچىنغا (10) تەۋە ۋە بوي سۇنغۇچى بولۇپ، ئارىدىن بىر يۈز يىگىرمە ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تەقدىرى ئىلاھىنىڭ ئارزۇسى، مۇتلەق ھۆكۈمى ۋە ئىرادە تەقدىرى بىلەن ئۇلۇغ ئىسلام قۇياشىنىڭ نۇرى بۇ يەتتە شەھەر ـــ موغۇلىستان ئاھالىسىنىڭ پېشانىسىگە چۈشۈپ، قاراڭغۇلۇق بۇلۇتلىرى ئاجىزلىق ۋە يوقلۇق پەردىسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇندى. ئالدى بىلەن كۇچار مەملىكىتىدىن راشىدىن خوجام، خوتەندىن موللا ھەبىبۇللا ھاجى ۋە تۇڭگانى تايىپىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پادىشا بولۇپ، كاپىرلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ، جەڭ ۋە غازاتقا كىرىشىپ، ئۆزئارا تالاش ـ تارتىش قىلىپ، دۇئا ـ ئىبادەت بىلەن تۇرغان بىر پەيتتە، فەرغانە ۋىلايىتىدىن مۇھەممەت ياقۇپ بەگ قۇشبېگى ناملىق تەدبىرلىك، باھادىر، ئالى دەرىجىلىك بىر كىشى بۇ زېمىنلارغا ئىستىلا قىلىپ كىرىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1869 ـ 1870 ـ يىلى ـ ت) ياقۇپ بەگنىڭ ئەقىل ـ ئىدراكى ئۇنىڭ خۇلقى نەپسانىدىن غالىپ كېلىپ، ئۆزىنى ۋە يەتتە شەھەر ئاھالىسىنى زېمىن ۋە زاماننىڭ ئۇلۇغ خەلىپىلىكى ـــ بۈيۈك ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ (11) ھىمايىسىگە شەرتسىز تاشلىدى. جۈملىدىن ئوسمانىيە دۆلىتىگە ئىتائەت ۋە ئىنايەت قىلىشنى شۆھرەت ھېساپلاپ، پەخىر دەپ بىلىپ، قازى ياقۇپخان تۆرەم باشچىلىغىدىكى بىر ئەلچى ئۆمىگى ئارقىلىق نۇرغۇن سوغا ـ سالاملار بىلەن ئىتائەتنامە ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئوسمانىيە دۆلىتىگە بەيئەت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. ياقۇپخان تۆرە بۇ ئىتائەتنامىنى خاقان بىننى خاقان ۋە خادىمى ھەرەمەيىن شەرىپ (ئۇلۇغ ئىككى ھەرەمنىڭ خادىمى ـ ت) ئابدۇلئەزىزخان بىننى ئابدۇلمەجىدخان (12) تۇرۇپ ئىشلەيدىغان جەننەتتەك ئالى ئېھتىرامغا ئىگە پايتەختكە (13) يەتكۈزدى. بۇ ھال جانابى پەلەك ئاشىيان (يۈكسەك مەرتىۋىلىك ـ ت) ئابدۇلئەزىزخاننىڭ (ئۇنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن) نۇرلۇق ۋە يۈكسەك ئوي ـ پىكرىگە مۇۋاپىق ۋە مۇناسىپ كېلىپ، بۇ موغۇلىستان يۇرتى ۋە فۇقراسىنى ئۆزىنىڭ ئالى دۆلەت ھىمايىسىگە ۋە پېقىندىلىغىغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆز يولىغا باشلاپ، مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىغا (غازاتچىلارنىڭ ئاتىسى ـ ت) ”مىراخور بېشى“ دېگەن ئالى مەنسەپ ئىلتىپات قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ شاھانىلىق ھەم ئىنايەتلىك مەرھەمەتلىرى بىلەن، ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ ئۆز پېقىندىلىرىغا تەقدىم قىلىدىغان شاھلىق تاجىسىنى، ئوسمانى دۆلىتىنىڭ بايراغ ـ ئەلەملىرىنى بەرگەنلىگى ھەققىدە يارلىق چۈشۈردى.

نەتىجىدە، يەتتە شەھەر ئەھلىدىن بولغان بىزدەك نۆكەر، غۇلام، پۇقرا ـ خەلق، كەمتەرىن خىزمەتكارلار ۋە بارلىق ئامما ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ سايىسى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا يەتتە يىل مىقدارى خاتىرجەم ۋە تىنچ، پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۆز ئادىتىمىز بويىچە كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك ئاللاغا دۇئا ئىلتىجا قىلىپ ياشىدۇق. دەل مۇشۇنداق پەيتتە، سۇلتان بىننى سۇلتان مۇھەممەت مۇراتخان (15) سۇلتانلىقنىڭ غەلىبە تەختىگاھىغا ئورۇنلاشتى. ئۆزۈن ئۆتمەي ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئۈممەتلىرىگە چۈشۈرگەن سايىسى، بۈيۈك رەھبەر، ئەرەپ (16)، ئەجەم (17) مۇلكىنىڭ پادىشاسى ئۇلۇغ ھەرەم خادىمى، ئۇلۇغ شۆھرەتلىك ئوسمانلار ئەۋلادىنىڭ تاجۇ گەۋھىرى بولغان ئابدۇلھەمىد خان (18) (خۇدا ئۇنىڭ دۆلىتىنى مەڭگۈ قىلسۇن، نۇسرەتكە يېقىن، بەخت ـ سائادەتكە دوست قىلسۇن) ئالى ئىكراملىرى غەلىبە ۋە شەرەپ بىلەن خەلىپىلىك تەختىگە مۇستەھكەم ئورۇنلىشىپ، مۇستەقىل سەلەتەنەت سۈرۈشكە باشلىدى. لېكىن، ئابدۇلھەمىدخان بىزدەك كەمتەر پۇقرالارغا ئۆز ئېتىبارىنى تاشلاپ، تۇرمۇشىمىزنى پاراۋانلىققا باشلاپ، يۇرتىمىزدا تىنچلىق ۋە ئاراملىق ھەم تېگىشلىك قائىدە ـ تۈزۈملەرنى ئورناتقۇچە، مۇھەممەت ياقۇپخان غازى بۇ پانى ئالەمدىن مەڭگۈلۈك باغچىسىغا سەپەر قىلدى. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، فەغفۇرچىننىڭ مەنسەپدارلىرى كېلىپ، بىزدەك باشپاناھسىز ئاجىز ۋە زەئىپ ناچار ۋە جۇدەگۈلەرگە ئىگە ۋە ئىگىدارچىلىق قىلدى.

بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۆتكىنىگە تېخى ئەمدىلا ئوتتۇز ئىككى يىل بولدى. لېكىن بىرەر زامان داناسى ياكى دەۋران پازىلى، بۇ پاراكەندىچىلىك بىلەن ئۆتكەن دەۋر ئىچىدىكى ئەھۋالاتلارنى يېزىپ، بىزگە بىرەر نەمۇنە ياكى يادىگار قالدۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشقانلىغىنى بىلمەيمىز. بۇنىڭدىن تۆت يۈز يىل ئىلگىرى ”قىلىچ بىلەن قەلەمنى بىرلەشتۈرگەن“ جانابى مىرزا ھەيدەر كوراگانى (19) بۇ موغۇلىستان يۇرتىدا ھۆكۈم سۈرگەن خان ۋە پادىشالارنىڭ ئەھۋالىدىن «تارىخى رەشىدى» ناملىق بىر ئەسەر يازغاندىن باشقا، شۇ زامانلاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى قىسسە ۋە ھېكايە قىلىپ توپلاپ، نەمۇنە ياكى نىشان قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىرەر زامان رىسالىچىسى ياكى داناسى ئۆتمىدى.

شۇڭلاشقا، بەزى كۆڭلى يېقىن ۋە ئىشەنچلىك دوستلار، بۇ دىياردا ئىسلام تېپىشقا سەۋەپ بولغان كۇچارلىق خوجىلارنىڭ غازاتلىرى، ئاتالىق غازى ياقۇپ بەگ ھۆكۈمرانلىغىنىڭ باشلىنىشىدىن مۇنقەرىز بولغىچە بولغان ۋەقەلەرنىڭ تولۇق جەريانى ھەققىدە بىرەر تارىخ كىتابى جەمئىلەپ يازساڭ، دەپ ئىلتىماس قىلىپ، غازات قىلىپ ئۆتكەن، سېيىتلەرنىڭ غازاتلىرىنىڭ ۋەقەلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شەھەرلەرنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇش ـ جەڭلىرى ئۇنتۇلۇپ قالمىسا، ئاتالىق غازىنىڭ قوشۇن باشلاپ كىرىپ، پەيدا قىلغان جەڭ ـ جىدەللىرى ۋە دۆلەت ھۆكۈمرانلىغى قاتارلىق مەسىلىلەر خالايىق نەزىرىدىن مەخپىي قالمىسا، بۇ ۋەقەلەرنى ئوقۇپ بىلگۈچىلەر، شۇ ۋەقەلەرگە گۇۋاھچى بولغان سىز ۋە بىز ئۈچۈن دۇئا ـ تەشەككۈر قىلىشسا دەپ ئىلتىماس قىلىشتى. ئۇلار يەنە پەيغەمبەرنىڭ ”ھەدىس“ كىتابىدا ”ياخشىلىققا دالالەت قىلغۇچىلار بولسا، شۇ ياخشى ئىشنى ئۆزى قىلغانلىق بىلەن باراۋەر“ دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلىپ، ”سىز يازغان بۇ ئەسەرنىڭ بەرىكىتىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىزگە ۋە بىزدەك ئاسى گۇناھكارلارغا قىلغان دۇئا ـ تەشەككۈرلىرى، رەھمىدىللىك ۋە قەھرى ـ غەزەپلىك ئاللانىڭ گۇنالىرىمىزنى ئەپۇ قىلىپ، ئەيىبىمىزنى كەچۈرۈشىگە سەۋەپ بولسا ئەجەپ ئەمەس“ دەپ خىتاپ قىلىشتى.

لېكىن، مەندەك بىر خارۇ ـ زار بىچارە بۇ سىيادات پانا غازىلارنىڭ (غەلىبىگە ئىگە غازاتچىلارنىڭ ـ ت) ئەھۋاللىرى، غەلىبىلىك جەڭ ـ غازاتلىرى، ئاتالىق غازىنىڭ پادىشاھلىق شان ـ شەرىكەتلىرى، ھۆكۈمرانلىغى قاتارلىق مەسىلىلەرنى توپلام قىلىپ يېزىپ چىقىشقا قانداق جۈرئەت قىلالايىمەن؟ بۇ دۆلەت ئىگىلىرى ھەققىدە قانداقمۇ پېتىنىپ سۆز ئېچىش مۇمكىن؟ مەندەك نام ـ نىشانسىز بىچارە ئۇلارغا ئوخشاش ئورۇن ۋە مەرتىۋىسى پەلەككە يەتكەن ئالى پادىشالارنىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىنى قانداق يول ۋە مۇناسىۋەت بىلەن توپلىيالايىمەن ۋە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆز مەرتىۋىسىگە لايىق تىل بىلەن قەلەم سۈرەلەيىمەن؟

ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام تېپىلغاندىن باشلاپ بۇ كۈنگىچە قىرىق يىلدىن ئاشتى. شۇ چاغدىكى ۋەقەلەر ئۈستىدە تۇرغان ياكى ئۇلارنى ئۆز كۆزى بىلەن ئوچۇق كۆرگەنلەرنىڭ تولىسى ئالەم باقىغا سەپەر قىلدى. بۇ چاغدا ئۆتكەن ۋەقە ۋە ھادىسىلەر ئاستىلاپ كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى قايتا ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ، قايتا رەتلەپ ئەسەر يېزىشنىڭ ئۆزى مۇشكۈل ۋە قىيىن بىر ئىش. ”ياخشىلاردىن سورالغان ئۆزرە ـ خالىق، ئەلۋەتتە يەنە شۇ ياخشىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغۇسىدۇر.“ دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بويىچە، ئېھتىرام بىلەن ئۆزرەمنى بىللە قوشۇپ، شۇ چاغدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆز باشلىدىم. بۇ چاغدا، يەنە بىرنەچچە سەمىمىي كونا دوستلىرىم كېلىپ، ”كاپىرلارغا ئايىماي ئىسلام قىلىچىنى ئۇرۇپ، غازىلىق دەرىجىسىنى ۋە مەرتىۋىسىنى تىكلىگەنلەر، خۇدا ـ ۋەندە كەرىمنىڭ رازىلىغىنى ئىزدەپ، ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلىپ قۇربان بولغان شېھىتلەر ھەققىدە باشلىغان يادىگار نامىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ تېز داۋاملاشتۇرغايسىز، كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۆزىڭىزنىڭ سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلىرىدە ئۇلارنى ئەسكە ئېلىپ، شېرىن سۆزلەر بىلەن ماختاپ مەدھىيىلەپ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا ـ تەشەككۈرگە قول كۆتەرگەن چاغدا، سىزمۇ ئاللا ئالدىدا ئەجىرى مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسىز، جۈملىدىن ئەھلى خالايىققىمۇ گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرالايسىز.“ دەپ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشكە باشلىدى.

بۇ دوستلىرىم يەنە ”تارىخ ئىلمى ناھايىتى زۆرۈر بىر ئىلىم بولۇپ، ئۇ ھەممە پەزىلەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. تارىخ ئىلمىنى ئوقۇش ۋە تارىختىن خەۋەردار بولۇش، ئىنسانغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بىر ئىشتۇر. بۇ پەنگى بىلىدىغانلار بولسا خالايىق نەزىرىدە ئۇلۇغ ھېسابلىنىپ، سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەردە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولالايدۇ. تارىخ ئىلمىنى بىلمەيدىغانلار، ياكى ئۇنىڭدىن بىخەۋەر كىشىلەر گەرچە قانچە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن بىلىنمۇ، ئۇلار دانا ئالىملارنىڭ ئالدىدا يەنىلا نەزەر ۋە ئېتىباردىن يىراقدۇر. تارىخنىڭ پايدىسى تولا، مەنپەئەتى كۆپ بىر ئىلىم. چۈنكى ئادەملەرنىڭ دەرىجە ۋە تەبىقىلىرى، ئۇلارنىڭ سەيگۈزەشتىلىرى، تۇغۇلغان ياكى ۋاپات بولغان چاغلىرى، ئىز ـ ئالامەتلىرى، خۇلقى ئەخلاقى، ياشايدىغان جاي ۋە ماكانلىرى، ئاۋات قىلغان شەھەر ۋە زېمىنلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەقەت تارىخ ئىلمىنىڭ ياردىمى بىلەنلا بىلگىلى بولىدۇ.“ دېيىشتى.

ئۇلار يەنە ”ئەگەر تارىخ ئىلمى بولمايدىكەن، بۇرۇنقى زامانلارنىڭ ئۇزاق ۋە تار شارائىتلىرىدا ياشىغان خەلقنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى قەدىمقى زاماندىكى ھەزرىتى ئادەم سەفىيۇللا (20) دىن ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغىچە، ھەتتا شۇ زاماندىن باشلاپ بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە بولغان ئارىلىقتا، بىرنەچچە ئەنبىيا، مۇرسەلىن، ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە ئەۋلىيالىرى، دىن يولىدا ئۆز كۈچىنى سەرپ قىلغان ئۇلۇغ ماشايىخلار، قەيسەر (21)، كىسرا (22)، فەغفۇرچىن، پىرئەۋىن (23)، نەمـرۇد (24) قاتارلىق ئۇلۇغ مەرتىۋە ۋە يۈكسەك ئېھتىرامغا ئىگە خاقان، خان ۋە پادىشالار، بۇلاردىن باشقا يەنە ئەرەپ، ئەجەم پادىشالىرى، يۈكسەك دەرىجىلىك ئىسلام پادىشالىرى ۋە ئىسلام ئىنتىزامىغا كىرمىگەن كاپىر زالىملار ئۆتكەن ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئالەمنى ئىنتىزامغا باشلاپ، پۇقرالارنى پاراۋان تۇرمۇشقا يېتەكلىدى. ئەگەر تارىخ ئىلمى بولمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، تۇتقان يولى ۋە شۇئارلىرىنى ھەم ھەرقايسى دەۋردە ئۆتكەن ۋەقە ياكى ھادىسىلەرنى زادىلا تولۇق بىلگىلى بولمايدۇ،“ دېيىشتى.

ئۇلار يەنە ”ئەرەپ، ئەجەمدە ياشايدىغان بىرنەچچە قەبىلە ۋە گۇرۇھلارنىڭ پازىللىرى، ھەر بىر زاماندا يۈز بەرگەن ۋەقە ـ ھادىسىلەرنى توپلاپ، تەكشۈرۈپ ـ تەتقىق قىلىپ، ھامان بىرنەچچە ئەسەرلەرنى يېزىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەقەت ئۆز قەۋمى چوڭ ئەسەرلەرنى يازغان بولسا، يەنە بەزىلىرى پەقەت ئۆز دەۋرى ياكى ئۆز يۇرتىدا ئۆتكەن پادىشالارنىڭ ئەھۋالىنىلا بايان قىلىپ قىسقا ياكى تاللانما ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى. ھالبۇكى، سىز بىلىسىزكى بۇرۇنقى زاماندىن بۇ زامانغىچە يېزىلغان تارىخ كىتابلىرىنى، بولۇپمۇ تۈرك، موغۇل (موڭغۇل ـ ت) تارىخلىرىنى كۆپ ئوقۇغان، بېشىڭىزدىن زاماننىڭ ئىسسىق ۋە سوغاقلىرى تولا ئۆتكەن، ياخشى ۋە يامان ئىشلارنى كۆپ كۆرۈپ تەجرىبە ھاسىل قىلغان، ئەمىرلەر، ۋەزىرائىلەر ۋە ھاكىملار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش ـ ھەرىكەتلىرى، خۇلقى ـ مىجەزى، تەبىقە ۋە دەرىجىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىلىدىغان بىر ئادەم. شۇڭلاشقا، شۇ دەۋردە يۈز بەرگەن ئاجايىپ ۋەقەلەرنى توپلاپ بىر تارىخ كىتابى يېزىپ، ئۇنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا نىشان ۋە نەمۇنە قىلسىڭىز، يېشىڭىزىمۇ يەتمىشتىن ئاشتى. سىزدىن بىرەر ئەسەر ـ ئالامەت قالسا، دەپ ئىلتىجا ۋە ئىلتىماس قىلىشتى.

مەن بۇرادەرلىرىمنىڭ خۇددى كىتابقا تىزىلغاندەك ئۈنچە ـ مارجان سۆزلىرىنى رەت قىلىشنى، خارلىق تۇپرىغىغا تاشلاشنى ۋە بۇ گەپلەرگە ئېتىۋارسىز قاراشنى مۇناسىپ كۆرمەي، ئامالسىزلىقتىن بۇ چوڭ ئىشنى كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقىشقا، يەنى دوستلارنىڭ ئەمىرىگە ئاساسەن بۇ كىتابقا تۇتۇش قىلىپ، ئۆزەمنى كىنايە ئوقلىرىنىڭ نىشانىغا قاراپ ئېتىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەگەر بۇ ئەسەردە بىرەر مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز خاتالىقلار ياكى سەۋەنلىك سادىر بولسا، دوست ـ يارىلارىمنىڭ ئۇنى كەچۈرۈم ئېتىكىلىرى بىلەن يوشۇرۇپ، خەيرىخاھلىق قەلەم ـ تراشلىرى بىلەن تۈزىتىپ، مۇۋاپىق ئۆزگەرتسە، ئۇلار ئەلۋەتتە ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئەجىرى مۇكاپاتىغا ۋە خالايىقنىڭ رەھمەت ـ تەشەككۈرلىرىگە ئىگە بولغۇسىدۇر.

مەن بۇ كىتابنىڭ دەسلەپكى قىسمىنى پايدىلىق تارىخ كىتابلىرىنىڭ تاللانغان مەزمۇنىدىن پايدىلىنىپ يازدىم. كېيىنكى قىسمىنى بولسا شۇ ۋەقەلەرنى كۆرگەن ياكى بىلگەنلەردىن سوراپ بىلىپ، ئۇلارنى تەھرىر يىپىغا باغلاپ، بايان سەھىپىسىگە ئورنىتىپ، قىسقىچە بۇ تارىخ كىتابىغا ”تارىخى ھەمىدى“ دەپ ئات قويدۇم ۋە بۇنى بىر مۇقەددىمە، ئىككى داستان، بىر خاتىمە بىلەن تامامىغا يەتكۈزدۈم.

بۇ كىتابنى ”تارىخ ھەمىدى“ دەپ ئاتاشتا مۇنداق بىر قانچە سەۋەپ بار: بۇنىڭ بىرى شۇكى، بۇ موغۇلىستان يۇرتى ۋە ئاھالىسىنىڭ ئالى ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ خەلىپىسى، زامان ۋە زېمىننىڭ خاقانى، بىننى خاقان ۋە ئۇلۇغ ھەرەمەيننىڭ خادىمى ئابدۇلھەمىدخان بىننى ئابدۇلمەجىد خانغا بەيئەت ۋە ئىتائەت قىلىش شەرىپىگە ئىگە بولغانلىغى ۋەقەسىنى، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدا يۈز بېرىدىغان پاراكەندىچىلىك ياكى داۋالغۇق كېلىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۈزۈلۈپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، خالايىقنىڭ خۇددى ۋەھشىلەرنى كۆڭۈلدىن يىراق قىلغاندەك، شۇ چاغدىكى ۋەقەلەرنى ئۆز كۆڭۈل يېڭىدىن چەتتە قويماسلىغى، بەلكى بۇ ۋەقەلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ جاھان سەھىپىسىدىن تېخىمۇ ئاشكارا ئورۇن ئېلىپ، ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىگىنى مۇددىئا ياكى مەقسەت قىلىپ، بۇ كىتابنى ”تارىخ ھەمىدى“ دەپ ئاتىدىم.

يەنە بىرى شۇكى، ئاۋالقى زاماندا، يەنى تارىخ ھىجرىنىڭ توققۇز يۈز ئەللىك ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1545 ـ يىلى ـ ت) ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى مىرزا ھەيدەر كوراگانى بىننى مىرزا مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگانىمۇ (ئاللا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ قەۋرىسىنى نۇرلۇق قىلغاي) ئەينى زاماندىكى ئاجايىپ ۋەقەلەر توغرىسىدا بىر جىلدلىق تارىخ تۈزۈپ، ئۆز زامانىنىڭ پادىشاسى سۇلتان بىننى سۇلتان، يەنى شېرىن سۆزلۈك، ئالى مەرتىۋىلىك ئابدۇل رەشىدخان (25) بىننى سۇلتان سەئىدخاننىڭ (26) نامىغا بېغىشلاپ ”تارىخى رەشىدى“ دەپ ئات قويغان ئىدى. مەنمۇ بۇ دەۋرىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تايانچىسى ۋە ھىمايىچىسى بولغان ئۇلۇغ ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ خەلىپىسى، سۇلتان بىننى سۇلتان ۋە ئۇلۇغ ھەرەمەيننىڭ خادىمى ئابدۇل ھەمىدخان بىننى ئابدۇل مەجىتخان نامىغا بېغىشلاپ ”تارىخى ھەمىدى“ دەپ ئات قويدۇم.

يەنە بىر سەۋەپ، خۇددى ”ھەدىس“ كىتابىدا ”ئەگەر بىرەر كىشى يەنە بىرىسىدىن ئىلىم سورىسا، ئۇ كىشى ئىلىمنى بىلىپ تۇرۇپ سورىغۇچىدىن يوشۇرسا، بۇنىڭ بويۇنغا ئوتتىن نۇختا سېلىنىشى كېرەك.“ دەپ كۆرسەتكەندەك، مەنمۇ ئۆزەمنى بۇنداق قورقۇنچتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر قانچە سۆزنى ئاۋال ئۆزۈم بىلىدىغان بۇرۇنقى يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئاللاھقا يېقىن پادىشالارنىڭ نام ـ نەسەپلىرى ھەققىدە باشلاپ، بۇنىڭغا تەكرار ـ تەكرار قەلەم سۈردۈم. چۈنكى، بۇ موغۇلىستان يۇرتى ۋە ئاھالىسى ئەل خاقان بىننى ئەل خاقان ئابدۇل ھەمىدخان بىننى ئابدۇل مەجىتخاننىڭ ھىمايىسى ۋە ئىتائىتىگە كىرگەنلىگى، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ تەۋەلىگىدىكى پۇقرالار قاتارىدا ھېسابلىنىپ، كىتابلاردىن ئورۇن ئالغانلىغى، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىن ئىبارەت ئىككى ئالەمدە پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك شۆھرەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.