تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

4. ئىككىنچى داستان (1-قىسىم): بەدۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

ئەي ئىلاھىم! ئۇلۇغ بولغانلارنى بۇ يول بىلەن نالايىق ئىشلارنى قىلىپ، خەلەيىق-پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاشتىن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ساقلاپ ئامان تۇتقايسەن، ئامىن! سائادەتلىك پەيغەمبەرنىڭ رىغبىتى بىلەن سۆز دېڭىزىدىن چىقىپ، بۇ باپنى تامامغا كىرگۈزدۇق. ئەمدىكى سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، بۇ غازى پەلەكنىڭ چاقى ۋە پايدىسىز دۇنيا خوجاملارنىڭ پېئىل-ئەتۋارلىرىغا رەھىم ۋە مۇرۇۋۋەت قىلماي، ئۆزىنىڭ قەدىمقى بىۋاپالىق يولنى كۆرسەتتى، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمرانلىقى، ئىززەت-سەلتىنەتىنى جانابى مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىنىڭ پەزىلەتلىك ۋۇجۇدىغا ئامانەت تاپشۇردى. بۇ خۇش خۇي قەلەممۇ ئۆزىنىڭ تىزگىنىنى كۇچارلىق خوجاملارنىڭ قىسسە-ئەپسانىلىرىدىن تارتىپ، شەھرىيارى ئاتالىق غازىنىڭ قىسسە ۋە داستانلىرى تەرەپكە يۆتكەپ، ئونىڭ كەڭ مەيدانلىرىدا تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ ئات چاپتۇرۇپ، بۇلارنى شەرھلەشكە قەدەم قويدى.

ئاللا مەرھەمەت ۋە ياردەم بەرگۈچىدۇر.

1

ئالەم ۋە شۈكرى مىننەت ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ئىرادە ۋە تەقدىرى بىلەن مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىنىڭ بۇ يەتتە شەھەر — موغۇلىستان مەمىلىكىتىگە ئىستېلا قىلىشى، ئونىڭ ۋەقە ۋە سەرگۈزەشتىلىرى، بۇزۇرۇك خان تۆرەمنىڭ تەختى سەلتىنەتكە ئولتۇرۇشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

ھۆرمەتلىك ئۇلۇغ ئەمىرلەر، يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئۇلۇغ زاتلارنىڭ ئالىي ماقام زېھىنلىرىگە يېتىپ رۇشەن ۋە ئاشكارا بولغايىكى، شۇنداق قىسسە ۋە ھېكايىلەرگە قارىغاندا، مۇھەممەت ياقۇپ بەگ قۇشبېگىنىڭ ئەسلى يۇرتى تاشكەنت تەۋەسىدىكى پىسكەنت دېگەن جايدا بولۇپ، ئۇ شۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىكەن ۋە كىچىكىدىن باشلاپلا سىپاھەلىك ۋە باتۇرلىقنى ئادەت قىلغان ئىكەن. ئۇ ۋاقىتتا نار مۇھەممەت قۇشبېگى دېگەن بىرىسى تاشكەنتكە ھاكىم بولۇپ، بۇ ياقۇپ بەگنىڭ ھەمشىرىسىنى ئەمرى ئەقدىگە ئالغان ئىكەن. شۇ سەۋەپتىن، ياقۇپ بەگ ئونىڭ مەھرەملىرى قاتارىدا خىزمەت قىلىپ، ئورنى كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، قانائەت شاھ غازى دېگەن بىرىسى تاشكەنتكە ھۆكۈمران بولۇپتۇ. ياقۇپ بەگ بۇنىڭغىمۇ مەھرەم بولۇپ ئىشلەپ، كېيىنچە مەھرەملەر يۈزبېشى بولۇپتۇ. ئاندىن كېيىن، دەشتى قىپچاقنىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بولغان ئاق مەسچىتكە ھاكىم قىلىپ تەيىنلىنىپتۇ. بۇ شەھەر تاشكەنتكە ئون ئىككى مەنزىل كېلىدىكەن. بۇ ۋەقە تەخمىنەن تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىشىنچى ياكى يەتمىشىنچى يىللىرى (مىلادى 1844 — 1854 - يىلى — ت) ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ.

بۇ چاغدا ئورۇسىيىنىڭ بىر قانچە ئادىمى ياقۇپ بەگنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئونىڭ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى تىكلەپ ”ئوشبۇ دېڭىز (دەريا — ت) دىكى بېلىقلارنى سېتىپ بەرسىڭىز، بىز ئۇنى تۇتۇپ قاق قىلىپ ئىچكىرى شەھەرلىرىمىزگە ئېلىپ كەتسەك“ دەپ ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ. ياقۇپ بەگ بۇ دەريانىڭ بېلىقلىرىنى قىرىق مىڭ سومغا سېتىپ، ئۇلارنىڭ تىلىدىن ئىشەنچ-ھۆججەت ئېلىپتۇ. ئورۇسىيە بۇ بېلىقنى باھانە قىلىپ فەرغانە ۋىلايىتىگە كېلىپ ئۇ جاينى بېسىۋاپتۇ. شۇنىڭدەك ئاق مەسچىت ئەتراپىدىكى قازاق، قىرغىزلار بۇرۇندىن تۆلەپ كېلىۋاتقان زاكات-سېلىقلاردىن باش تارتىپ، زاكاتقا چىققان ئادەملىرىنى ئۇرۇپ، ئولجا-ئەسىر قىلىپتۇ. بۇنى مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاڭلاپ، نۇرغۇن قوشۇن بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ بېرىپ قىرغىن قىلىپ، نۇرغۇن چارۋا-ماللىرىنى غەنىمەت ئېلىپ ئۆزى تۇرغان يەرگە قايتىپ كېلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئونىڭ دۆلىتى ۋە ئىقبالى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرىلاپتۇ.

شۇ كۈنلەردە مۇھەممەت ياقۇپ بەگ قوقەند دارىسەلتىنەتىگە ئەرز بېرىپ، ”كەمىنە كەمەتەرىن قوللىرى خان ھەزرەتكە (170) دۇئا قىلىپ، يۈكسەك ئاستانىلىرىنى تۇتىيا سۈرمەگە ئوخشاش تۇتىيا قىلىپ، كۆزلىرىمگە سۈرتۈپ، خىزمەتكارچىلىقىمنى مەلۇم قىلىپ يانىسام دېگەن ئارزۇ-ھەۋىسىنى مۇبارەك ئاللىرىغا مەلۇم قىلدىم. ئۈمىت دۇركى، قوبۇللۇق دەرىجىسىگە مۇيەسسەر بولسا“ دەپتۇ. بۇنىڭ بەرگەن ئەرزى خان ھەزرەتكە ماقۇل چۈشۈپ ”كەلسۇن“ دەپ يارلىق قىلىپتۇ. مۇھەممەت ياقۇپ بەگ شۇ ھامانلا سوغا-سالاملارنى تەييارلاپ توققۇز توققۇز قىرغىز، قازاق قىزلىرىنى ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان رەڭگارەڭ ئەسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن بىزەپ كىيىندۈرۈپ، توققۇز توققۇز بېساقال كېلىشكەن ياش بالا-يىگىتلەرنى ھەر خىل توقۇلغان كىيىملەر بىلەن كىيىندۈرۈپ، شاپ خەنجەرلەر بىلەن مۇكەممەل قىلدى، توققۇز توققۇز قازاق، قالماق ئاتلىرىنى ئېگەر-جابدۇقلىرى بىلەن تولۇقلاپ تەييارلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل مال-ماتا، نەپىس جابدۇق-ياراقلارنى تەييارلاپ، سائادەتلىك ۋاقىت ۋە ياخشى سائەتتە قوقەندنىڭ گۈزەل تەختى سەلتىنەتىگە كېلىپ، سوغا-سالاملىرىنى خان ھەزرەتنىڭ مۇبارەك كۆزلىرىدىن تامامەن ئۆتكۈزدى. خان ھەزرەت ئونىڭ بۇنداق خىزمەتكارچىلىقىغا ناھايىتى خوش-خۇرسەن بولۇپ، شاھانە ئىلتىپات ۋە پادىشاھانە مەرھەمەتلەرنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەممە ۋەزىر ۋە ئۆمىرا-سەركەردىلىرىدىن ئۈستۈن قويۇپ، ئۆز ئورنىغا قايتىشقا رۇخسەت بەردى. دەشتى قىپچاق تەرىپىدىن ياكى باشقا سەركەردىلەر تەرىپىدىن تا بۇ كەمگىچە بۇنداق سوغا-سالاملار كەلمىگەن ئىدى.

مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاق مەسچىتكە كەتكەندىن كېيىن، ۋەزىر ۋە ئەمىرالارنىڭ ئاچچىق ھەسەت تومۇرلىرى ھەرىكەتكە كېلىپ، ياقۇپ بەگنى سۇندۇرۇپ ئاياق ئاستى قىلىشقا تىرىشتى. ياقۇپ بەگنىڭ بۇ خىل سوغا-سالاملارنى قىلىشتىكى مەقسىتى بولسا تاشكەنتكە ئوخشاش بىرەر چوڭ يۇرتقا ھاكىم بولۇش ۋە تاشكەنت قولىغا كەلگەندىن كېيىن، ئىلھى غايىپ ئونىڭغا قوقەند پايتەختىنى مۇيەسسەر قىلسا ھەجەپ ئەمەس دېگەن خىياللار خۇددى تاشقا ئويۇلغان نەقىشتەك ئورۇنلاشقان ئىدى. چۈنكى ئاللا ئونىڭ ھىممەتلىرىنى يۇقىرى، كۆڭلىنى ئىززەت بىلەن ياراتقان ئىكەن. مەزكۇر ئەمىرا ۋە ۋەزىرلەرنىڭ غەيۋەت-شىكايەتلىرىنى خان ھەزرەتنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا يەتكۈزۈپ ”مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئۆزى تويغان دۇنيانىڭ ئوندىن بىرىنى، ھەتتا يۈزدىن بىرىنى تارتۇق قىلدى. ئونىڭ ئالغان ئولجا-غەنىمەتلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىگە تەرىپ ۋە سۈپەت ئاجىزلىق قىلىدۇ دەيدىكەن. ئونىڭ تاشكەنتكە ھاكىم بولۇش تاماسى بار ئىكەن، ئەگەر ئونىڭغا تاشكەنت ياكى باشقا بىرەر كاتتا شەھەرنى ئىلتىپات قىلىسىلا، ئۇ ناھايىتى تېز پۇرسەتتە بۇ دۆلىتىڭنى خاراپ ھەم ۋەيران قىلىشقا ئەيمەنمەي قەدەم قويالايدۇ. بۇنداق غەرەز ئونىڭ قىياپەت ئەسەرلىرىدىن ئاپ-ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ“ دەپ كەينى كەينىدىن بىر-بىرىلەپ ئەرز تۇتتى. بۇلارنىڭ غەيۋەت شىكايىتى خان ھەزرەتكە تەسىر قىلىپ ”ياقۇپ بەگنى تۇتۇپ، ئونىڭ ھەممە نەرسىسىنى يىغىشتۇرۇپ كېلىپ، پادىشاھى ئاسمان پەلەك ۋە ئالىي مۇبارەك دۆلەتخانىغا (غەزىنىگە — ت) يەتكۈزۈلسۇن“ دەپ يارلىق چۈشۈرۈپ، قىرىق ياساۋۇلنى يولغا سالدى.

بىراق، ياقۇپ بەگ خان ھەزرەتنىڭ ئالدىدىكى خاس مەھرەملىرىدىن ”ئىنسان ئېھساننىڭ قۇلى“ دېگەن كىشىلەرنى ئۆز بېشى قاتارلىق بىر قانچە مەھرەمگە كۆپ ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېيىلىنى تارتىپ، ئىخلاسىنى باغلاپ يېقىن قىلىپ، ”ئەگەر خان ھەزرەتنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق ياخشى ۋە يامان گەپ-سۆزلەر بولسا ماڭا خەۋەر قىلىڭلار“ دەپ تاپشۇرغان ئىدى. ئونىڭغا قاتتىق ئىخلاس باغلىغان ئابدۇللا يۈزبېشى باشلىق بۇ مەھرەم نامەھرەملەر ۋەدىگە ۋاپا قىلىڭلار دېگەن تەمسىلگە ئاساسەن، ئۆز ۋەدىسى بويىچە بۇ پىتنە خەۋەرنى مۇھەممەت ياقۇپ بەگكە يەتكۈزدى. مۇھەممەت ياقۇپ بەگ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ”دارىسەلتىنەت قوقەنددىن مېھمان كېلىدۇ. ئالدىغا بېرىپ، ئۇچراشقان يەردە توختىتىپ زىياپەت بېرىپ، ماڭا ئۇچۇر بېرىڭلار. ئۆزەم ئالدىغا چىقىپ باشلاپ كېلىمەن“ دەپ ياساۋۇللىرىنى يولغا سېلىپ، ئۈچ مەنزىلگىچە بولغان يەرگە ئادەم تەيىنلەپ ئەۋەتتى. بارغان يۈز ياساۋۇللار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇچۇرنى بەرگەندىن كېيىن، ياقۇپ بەگ يەنە قالغان ئەمىرا ۋە يىگىتلىرىنى بۇ ياساۋۇللارغا بېرىپ تۇرۇڭلار، مەن يېرىم كېچىدە ئاتلىنىپ ئارقاڭلاردىن بارىمەن دەپ شەھەرنى خالى قىلىپ، كونا خىزمەتچىسى ئالاش بېيىنى ھەمرا قىلىپ، پۇل-نەقەدىنەلىرىنى خۇرجۇنلارغا قاچىلاپ، كېچە بىلەن يولغا چىقىپ، بۇخارا شەھرىگە راۋان بولدى. خان ھەزرەت ئەۋەتكەن ياساۋۇللار ياقۇپ بەگ چىقماپتۇ، نېمە ھادىسە بولغاندۇر دەپ شەھەرگە كەلسە، ئونىڭدىن ئەسەر-نىشانمۇ يوق. ياساۋۇللار خان ھەزرەتنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، ياقۇپ بەگنى قوغلاپ سىر دەرياسىنىڭ بويىدا كەينىدىن يەتتى. ياقۇپ بەگ بىرنەچچە ئۆشكىنى تۇلۇمدەك قىلىپ سويۇپ تەييارلىغان ئىكەن. ئۇ بۇ تۇلۇملارنى پۈدەپ ئىچىگە يەل توشقۇزۇپ، ئاغزىنى مەھكەم قىلىپ ئېتىپ، ئۈستىگە چىقىپ، ئاتلىرىنى ئۆزدۈرۈپ، خەتەرلىك دەريادىن خەتەرسىز ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ياساۋۇللار بولسا دەريادىن ئۆتەلمەي نائىلاج كەينىدىن قاراپ تۇرۇپ يېنىپ كېپتۇ. ياقۇپ بەگ تىنجى ئامان بۇخارا شەھرىگە بېرىپتۇ.

بۇ چاغدا مەللە خانىمۇ (171) قوقەنددىن بۇخاراغا بارغان بولۇپ، زامان ھادىسىلىرى ۋە دەۋران بالا-قازالىرىدىن قۇتۇلۇپ، بۇخارا ئەمىرىنىڭ ھىمايىسىگە كىرگەن ئىدى. بىرنەچچە كۈن تىنج-ئامان مەللە خان بىلەن بۇخارادا تۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە مەللە خان بىلەن دار سەلتىنەت قوقەندگە كەلدى. بۇ ئادالەت نىشانلىق زاماندا، خۇدايار خاننىڭ دۆلەت ئاپتىپى كۈنپېتىش تەرەپكە قەدەم قويۇپ، مەللە خاننىڭ ئاي نۇرى كۈنچىقىش تەرەپتىن كۆرۈنۈپ، جاھان يۈزىنى نۇرلاندۇرۇشقا باشلىدى. بۇ كۈنلەردە ياقۇپ بەگ خوجەند ھاكىملىغىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇ بۇ جايغا ناھايىتى خاتىرجەملىك بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان كۈنلەردە، ئونىڭ رەقىبلىرى يەنە مەللە خانغا گەپ يەتكۈزۈپ ماقۇل قىلدى. خان ھەزرەت ياقۇپ بەگنى ئېلىپ كېلىپ سىياسەتتە ئۆلتۈرغۈزۈشنى نىيەت قىلىپ ئادەم بۇيرۇدى. ئەمما سەگەك، بەختلىك، يولى دۆلەتلىك ياقۇپ بەگ بۇنىڭدىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ، مەزكۇر ئادەملەرنىڭ شەھەرگە كىرىشى بىلەنلا، ئارقا ئىشىك بىلەن قېچىپ چىقىپ، دەريادىن بىخەتەر ئۆتۈپ يەنە بۇخارا شەھرىگە كەتتى. چۈنكى، ئىشلارغا پىشقان ۋە دەۋر سىناقلىرىدىن ئۆتكەن ياقۇپ بەگ بولسا، زامان تەجرىبىلىرىدىن ھەممە ۋاقىت خەۋەردار ئىدى. بۇ چاغدا خوجەند شەھرىنىڭ بىر تەرىپى دەرياغا تۇتاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ ئىچكى قەلئەسى دەريا لېۋىدىكى ئىگىز بىر جايغا ئورۇنلاشقان ئىدى.

ئۇ يەنە بۇخارا تەرەپتىكى يوللارغا ئات ۋە ئادەم قويۇپ باقتۇرۇپ قويغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ بۇ دەملەردە پۇت سۇۋۇتقان تەييار ئاتلارغا مىنىپ، مەقسەت قىلىنغان بۇخارا تەرەپكە راۋان بولدى. كەلگەن ئادەملەر مەيۈسلۈك بىلەن ئۈمىت ئۈزۈپ، مەقسىدىگە يېتەلمەي، دارىسەلتىنەت قوقەندگە يېنىپ كېلىپ، ئۆتكەن ئەھۋالنى خان ھەزرەتكە بىر-بىرلەپ مەلۇم قىلدى. خان ھەزرەتنىڭ غەزەپ ئوتلىرى چاقناپ، ناھايىتى ئاچچىق بىلەن بۇخارا ئەمىرىگە خەت يېزىپ، ”ياقۇپ بەگ دېگەن بىر پىسكەنتلىك گۇناھكار شەھرى بۇخاراغا قېچىپتۇ. بۇنىڭ يامان ۋە بەدنىيەتلىكى ھەممە ۋىلايەتكە مەشھۇر. ئۇنى ھېچبىر يەرگە سىغدۇرماسلىققا پەرمان بەرگەيلا. بۇنداق قىلىش ئۆز دۆلەتلىرىگىمۇ ياخشى“ دېدى. بۇخارا ئەمىرى خەتنى كۆرۈپ، ياقۇپ بەگنى زىندانغا تاشلاشقا پەرمان بەردى.

ياقۇپ بەگنىڭ بۇ قېتىمقى بۇخارا سەپىرىدە ئالاش بېي، مۇھەممەت بابالارمۇ بىللە ئىكەن. ياقۇپ بەگ زىندانغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇلار ئونىڭغا ئاش-ئوزۇق توشۇپ بېرىپ، بىرنەچچە ۋاقىت ئونىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپتۇ ۋە زىندانبانلارغا تىللا-تەڭگە بېرىپ دوستلۇق ئورنىتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، يەتتە، سەككىز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بۇخارا ئەمىرى شەھرى سەبىزگە لەشكەر تارتىپ بارىدىغان بولۇپ، زىنداندىكى گۇناھكارلارغا ئەپۇ قەلەمنى سۈرۈپ، ئۇلارنى نۇسرەت ئەسەرلىك قوشۇنلار بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىپ بېكىتىپتۇ. بۇ چاغدا بۇخارا ئەمىرىنىڭ ئىلگىرى ياقۇپ بەگ بىلەن دوستانە ئۆتكەن بىر قانچە يېقىنى ياقۇپ بەگنىڭ تەرىپىنى قىلىپ، ئونىڭ ياخشى سۈپەتلىرى ۋە كارغا يارايدىغانلىغىنى ئەمىرگە مەلۇم قىلىپتۇ. بۇ ئەمىرگە ماقۇل چۈشۈپ، ئۇنى ئوردا-بارگاھقا ئالدۇرۇپ، قىياپەت تۇرقىدىن قابىلىيەتلىك بىلىپ، ئىلكىنى چاغلاپ، پەنسەد دەرىجىسىدە ئات، ياراغ ۋە بايراغ بېرىپ خىزمەتكە تەيىنلەپتۇ. ياقۇپ بەگ بولسا، ئۇرۇش-جەڭلەردە مەردانە باتۇرلارچە نۇرغۇن خىزمەت كۆرسىتىپتۇ. بۇنىڭغا ھەممە ئادەم خوش بولۇپ ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. ياقۇپ بەگمۇ قەدىر-قىممىتى ئۆرلەپ، خاتىرجەم بولۇپتۇ. لېكىن بۇ كۈنلەردە، مەللە خان ئورنىدىن چۈشۈپ، خۇدايارخان ئىككىنچى قېتىم قوقەند پايتەختى دار سەلتىنەتىگە چىققان بىر ۋاقىتى ئىدى. بىراق، يۇرتنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ئالىم قۇل قىرغىزنىڭ قولىدا ئىدى. ياقۇپ بەگ ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، سەمەرقەنتكە بېرىپ، مازار ماشايىخلارنى زىيارەت قىلسام، خەتمە قۇرئان قىلدۇرۇپ، ئاجىزلارغا ئۆز لايىغىدا نەزىر-سەدىقە بېرىپ، خان ھەزرەتلىرىگە بولغان دۇئاسىنى قىلىپ كەلسەم دەپ بۇخارا ئەمىرىدىن رۇخسەت سوراپ سەمەرقەنتكە كەلدى. بۇ جايدا ئىككى-ئۈچ كۈن تۇرۇپ، ئاتلىرىنى دەم ئالدۇرۇپ، بىر كېچىدە قاچتى ۋە فەرغانە ۋىلايىتىگە كېلىپ موللا ئالىم قۇلغا ئۇچراشتى.

ئەلخىسسە، بۇ كۈنلەردە كۇچار شەھىرى بۇزۇلۇپ، راشىدىن خوجامنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغانلىغى ھەرقايسى شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىرىگە ئاڭلانغان ۋە كاشغەردە سىدىق بەگ دېگەن قىپچاق باش كۆتۈرۈپ، جەمىيەت پەيدا قىلىپ، خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ ۋە شەھەرگە قاماپ، كاشغەرگە ئىگە بولۇپ، قوقەند دار سەلتىنەتىگە ”تۆرەمەلەردىن بىرىسىنى تىلىمەن، بۇ يەرگە كېلىپ دۇئا قىلىپ بەرسە، مەنكى كەمىنىلىرى كاشغەرنى قوقەند دار سەلتىنەتىگە ئىتائەت ۋە ئىناۋەت قىلدۇرسام“ دېگەن مەزمۇندا ئەرز ئەۋەتتى.

موللا ئالىم قۇل بۇ ئەرزنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ، بۇزۇرۇك خان تۆرەمنى قەشقىرگە بۇيرۇدى. ئونىڭغا ھەمدەم باتۇر بېشى، تۇراپ خوجا ياساۋۇل بېشى، ئابدۇللا يۈز بېشى، غازى يۈز بېشى قاتارلىق يۈزدەك ئادەمنى قوشتى. بۇلار ئوش دېگەن جايغا كەلگەندە، ئەزىز بەگ جاللات، ياقۇپ كاناي باشلىق يەنە يۈزدەك ئادەم قوشۇلدى.

بۇ ئارىدا موللا ئالىم قۇلغا بۇخارا ئەمىرىدىن يارلىق كەلدى. يارلىقتا ”پىسكەنتلىك ياقۇپ بەگ دېگەن بىرىسى مەللە خانغا باش ئەگمەي، بۇ جايغا قېچىپ كەلگەن ئىكەن. ئونى بىر قانچە ۋاقىت ھەپسىدە تۇتتۇم ۋە يەنە مۇساپىر ئىكەن دەپ مەرھەمەت - شەپقەت قىلىپ، ئۆز يېنىمغا يېقىن جايدىن ئورۇن بەردىم. لېكىن، ئۇ ماڭىمۇ ھېلە ئىشلىتىپ قېچىپ كېتىپتۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ بارغان ھامان دەم قىلچىنىك تىغىدىن ئۆتكۈزگەيلا مۇبادا يارلىقنى كېچىكتۈرسىلە ياكى ئىجرا قىلمىسىلا، بۇخارا ئەمىرىنى ئۆزىنىڭ نۇسرەت قىياپەتلىك ئەسكەرلىرى بىلەن فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئۈستىدە كۆرگەيلا. ئەگەر ئاجىز بىچارىلەر ئاتلارنىڭ ئايىغىدا قالىدىغان بولسا، بۇنىڭ ۋابالى سىلىنىڭ گەدىنلىرىدە بولسۇن، ۋەسسالام“ دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇ تەھدىت يارلىغى كەلگەندىن كېيىن موللا ئالىم قۇل ھەيران بولۇپ، بىر كېچىدە ياقۇپ بەگنى ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بۇخارا ئەمىرىدىن كەلگەن يارلىقنى كۆرسەتتى ۋە ”ئەمدى فەرغانە ۋىلايىتىدە تۇرۇشلىرى مۇناسىپ ئەمەس، مەسلىھەتنىڭ ياخشىسى شۇكى، سىدىق بەگنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، بۇزۇرۇك خان تۆرەمنى كاشغەرگە ماڭدۇردۇم. لېكىن ئۇ خوجا يۇرتداشلىق رەۋىشى ۋە ئەسكەرلىك ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز بىر بىپەرۋا ئادەم. سىلە ناھايىتى چاپسان مېڭىپ بۇزۇرۇك خان تۆرەمنىڭ قارشىسىدىن يېتىسىلە. مەن سىلىنى ئونىڭغا قۇشبېگى قىلىپ تەيىنلىدىم“ دەپ يولغا سالدى. ئونىڭ قولىغا مۇبارەكنامە بېرىپ، بۇزۇرۇك خان تۆرەمگىمۇ مەلۇم قىلدى. ياقۇپ بەگ بۇزۇرۇك خان تۆرەمگە داۋان ئۈستىدە يېتىشىپ كەلدى. خان تۆرەم ئونىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، كەلگىنىگە ناھايىتى خوشال بولۇپ ئىپتىخار بىلىپ، ھەممە يىگىتلىرىنى مەزكۇر قۇشبېگىگە تاپشۇردى. نەتىجىدە، بۇزۇرۇك خان تۆرەم تۆرەلىك مەنسىۋىدە، قۇشبېگى خىزمەتكارلىق دەرىجىسىدە تۇرۇپ، مەنزىلمۇ - مەنزىل يۈرۈپ، كاشغەر تەۋەسىگە يېتىپ كەلدى. بۇ تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلى (مىلادى 1864 — 1865 - يىلى — ت) جەدى (ئوغلاق — ت) پەسلى ئىدى.

بۇ چاغدا، سىدىق بەگ ئۆزى قىلغان ئىشىغا خاپا ۋە پۇشايمان بولۇپ، ئىلاجىسىز خان تۆرەمنىڭ ئالدىغا كىشى چىقاردى، كېيىندىن نائىلاج ئۆزىمۇ چىقتى. چوڭ - كىچىك كاشغەر ئەھلى توپ - توپ بولۇپ تۆرەمنىڭ ئالدىغا چىقىپ زىيارەت قىلىپ، شادى - خۇراملىق بىلەن شەھەرگە باشلاپ كىرىپ، سىدىق بەگنىڭ جاي - ماكانىغا چۈشۈردى. دەل مۇشۇ چاغدا، كاشغەر ئەھلىنىڭ ئىچىدىكى تۆرەمگە ئەقىدە - ئىخلاس قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ”خوجاملار كەلدى، قىپچاقلارنى ئۇرۇپ ھەيدەپ چىقىرىش كېرەك“ دېگەن ئۈن - ساداسى ئاڭلاندى. كاشغەر ئالامانچىلىرى قىرغىز قىپچاقلارنى تاياق، چوماق بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى، شىددەتلىك تاياق زەربىسىدىن قىرغىز - قىپچاقلار قېچىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا سىدىق بەگمۇ تۇرالماي ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئۆز يۇرتى بولغان پاراشقا باردى. بۇ يەردە يەنە ئالتە - يەتتە مىڭ ئادەمنى توپلاپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، شەھەرنى قامال قىلدى. بۇزۇرۇك خان تۆرەم بىلەن قۇشبېگىمۇ ئۆزىنىڭ يىگىتلىرىنى ئېلىپ، شەھەردىكى نۇرغۇن باشباشتاق ئادەملەرنى توپلاپ ئۇرۇشقا كىرىشتى. بۇ چاغدا، سىدىق بەگكە ئوق تېگىپ يىقىلدى. لەشكەرلىرى پاراكەندە بولدى. تۆرەمەلەر ئولجا ۋە غەنىمەتكە ئىگە بولۇپ، غەلىبە بىلەن ئۆز تەختى بارگاھىغا قايتىپ ئارام ئالدى ۋە يەك - دۈشمەنلەردىن خاتىرجەم بولدى.

بۇ چاغدا، قۇشبېگى ھەرقانداق ئىشنى تۆرەمدىن بىجاۋاپ قىلمايتتى. چوڭ ئوردىنى تۆرەمگە بارگاھ ۋە ئارامگاھ قىلىپ تەيىنلەپ بەردى. تۆرەم بولسا كېچە - كۈندۈز نەغمە - ناۋا ئويناپ، شادى - خۇراملىق، ئويۇن - كۈلكە، ھاي - ھۈيلىرى بىلەن بىغەم - خاتىرجەم بولۇپ، ياكى يۇرtdارلىق ئىشى ياكى دادخۇا - ئەسكەرلەرنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سوراش ۋە ياكى بىرەر ئىشقا تەدبىر ياكى مەسلىھەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى زادىلا ئۆزىنىڭ دىل ئەينەكلىرىگە چۈشۈرمىدى. لېكىن قۇشبېگى كۇچارلىق ئۆمەر ھاكىم بەگ دېگەننىڭ مەدرىسىسىنى ئۆزىگە مەسكەن ماكان قىلىپ، تىنماي ۋە ھارماي يىگىت تەييارلاش تەردەدۇتلىرى، قورال - ياراغ راسلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تۈزۈككىنە ئارام ئالالمىدى ياكى يېمەك - ئىچمەك ۋە ياكى ئۇيقۇ بىلەن پەرۋاسى بولمىدى. سىدىق بەگنىڭ غەزىنىسى ۋە يۇرتلاردىن ئېلىنغان غەللە - پاراقنى يىگىتلەرىگە سەرپ قىلدى. ئۇ بۇ جايلاردا يەرلىك ۋە مۇساپىر بايلاردىن خالىغانچە پۇل، كۈمۈش فەرز ۋە ئىانە توپلاپ، يىگىت تەييارلاشتىن باشقا مەقسەت ۋە ھەۋەسىنى زادىلا ئويلاپ قويمىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ ئىچىدە نىياز ئىشكىيى بەگ بىر قانچە ياركەنت كاتتىسىنىڭ غايىبانە نامىنى يېزىپ، ياركەنتتىن قۇشبېگىگە خەت ئەۋەتىپ، ياركەنتكە تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئۇ خەتتە ”خوجالار، تۇڭگانلار ۋە ھەر رەڭلىك ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا جېدەل ۋە تالاش - تارتىشلار پەيدا بولۇپ، ياركەنت شەھىرى بىكار قالدى. تۆت - بەش يۈز ئادەم بىلەن كەلسىلە بۇ يەرنى تەسەررۇپ قىلغىلى بولىدۇ“ دەپ يازغان ئىدى. قۇشبېگى ناھايىتى چوڭ ئۈمىت بىلەن دۈشمەننى سەل چاغلاپ، ياركەنتكە بارغان چاغدا، ھامىدىن خوجام بىلەن تۇڭگانلار بىر ئىتتىپاق بولۇپ، ئۇرۇش - جەڭگە كىرىشتى. قۇشبېگى باراۋەرلىك قىلالماي، چېدىر - بارگاھلىرىنى تاشلاپ، ئۆز جېنىنى جايلاپ، يايداق ئاتقا ئاران ئېلىشىپ، كاشغەرگە قاچتى. ھەممە تاۋابىئات ۋە تەئەللۇقاتلىرى ھامىدىن تۆرە قولىغا چۈشتى. بۇ ۋەقە ئاۋالقى داستاندا زىكىر قىلىنغان ئىدى. ئىلگىرى ھامىدىن تۆرەم نىياز ئىشكىيى بەگنىڭ مەككار ھەم ۋاپاسىزلىغىنى بىلىپ، ئۇ سالامغا كەلگەندە تۇتۇپ باغلاپ، يالىڭاچ قىلىپ، تىرەككە ئېسىپ قويغان چاغدا، دادىسى خېتىپ خوجام بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئاجرىتىپ ئالغان ئىدى. نىياز ئىشكىيى بەگ دەل مۇشۇ ئاچچىغىدا قۇشبېگىگە خەت ئەۋەتكەن ئىكەن. قۇشبېگى قاچقان چاغدا، خىجالەت بولۇپ، كەينىدىن بېرىپ كۆپ ئۆزرە - خالىقلارنى قويۇپ يەنە ياركەنتكە قېچىپ كەلدى. بۇنىڭدىن خوجاملار خەۋەرسىز قالدى.

بۇ كۈنلەردە، قۇشبېگى ئەزىز بەگ جاللاتنى يېڭى ھىسار مۇھاسىرىسىگە تەيىنلىگەن ئىدى. ئونىڭدىن ”شەھەرنىڭ پەتھى يېقىنلاشتى. تۆرەم باشلىق بىرەر ئۇلۇغ قەدەم تەشىرپ كەلتۈرسە، بىز جاناپىلارنىڭ قەدەم تەشىرپ قىلىشىغا قاراپ قالدۇق“ دەپ ئەرز يازدى. بۇزۇرۇك خان تۆرەمەلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ھەشەمەت ئىنتىزام بىلەن يېڭى ھىسارغا ئاتلاندى. ئەزىز بەگ جاللات لەخمىلەرنى كولىتىپ، دورىلارنى قويۇپ تەييارلاپ قويغان ئىكەن. تۆرەمەلەر بارغان ھامان دورىغا ئوت تۇتاشتۇردى. سېپىل پوتەيلىرى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. نۇسرەت نەمۇنە قوشۇنلار تېزلىك بىلەن شەھەرگە يۈگۈرۈپ كىرىشكىچە، دورىنىڭ كۈچى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن توپا - تۇپراقلار قايتىپ چۈشۈپ، شەھەردىكى مۇسۇلمان، تۇڭگانى ۋە خىتايلاردىن مىڭدەك كىشىنى نابۇت قىلدى. بىر مۇنچىسىنى تۇپراق ئىچىدىن تارتىپ چىقاردى، شۇنداق قىلىپ شەھەر پەتھى بولدى. خىتايلارنىڭ كۆپ قىسمى ھالاك بولدى، ئاز قىسمى مۇسۇلمان بولدى. دوستلار شادى - خۇرام بولدى. دۈشمەنلەر غەم - ئەندىشىگە چۈشتى. قوشۇنلار نۇرغۇن ئولجا - غەنىمەتكە ئىگە بولدى. بۇزۇرۇك خان تۆرەم بۇ ئۇرۇشنىڭ پەلەككە يەتكەن بەخت خوشاللىغىنى موللا ئالىم قۇلنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا يەتكۈزۈشنى لازىم دەپ تاپتى ۋە توققۇز توققۇز خىتاي زەمبىرەكلىرى، بىر توققۇز پاكىز، دىلغا مۇۋاپىق نازىنىن بېجىن قىزلىرى، بىر توققۇز ساقال - بۇرۇتسىز چىرايلىق ماچىن يىگىتلىرى، بىر توققۇز قازاق ۋە قالماق ئېتى، بىر قانچە توققۇز بېجىن يامبۇ، كۈمۈشلىرى، توققۇز توققۇز جانان چىنە، خەسە، تاۋار، دۇردۇن قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان يېڭى ماللار ۋە كۆڭۈلگە ياقىدىغان خۇش پۇراق چاي قاتارلىق نۇرغۇن سوغا - سالاملارنى راسلاپ، قوقەند دار سەلتىنەتىگە ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك خىزمەتچىلىرى بىلەن يولغا سالدى. بۇ خىزمەتچىلەر خۇپ ۋاقىت ۋە ياخشى سائەتتە قوقەندگە يېتىپ بېرىپ، موللا ئالىم قۇلغا كۆرۈنۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. موللا ئالىم قۇل بولسا بۇ سوغا - سالاملارنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ، بارغان خىزمەتچىلەرگە تون - كېچەك، خەجلەيدىغان تىللا، قورال - ياراغ ئېھسان ۋە ئىنئام قىلىپ، بۇزۇرۇك خان تۆرەمنى خان كۆتۈرۈپ، ناھايىتى قىممەت باھا تاشلار بىلەن بىزەلگەن ئالتۇن تاج، ھەممە ئېگەر جابدۇقلىرى تامامەن ئالتۇندىن يېرىم چەمبىرەك قىلىپ بىزەپ نەقىشلەنگەن ئات، ئىككى نەپەر كۈچلۈك ۋە ئاۋازى ياخشى شاتىر، توققۇز توققۇز نىمچە تون، خەسە، ئېگەر - جابدۇقلىرىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن توققۇز ئات ۋە بىر توققۇز مىلتىق قاتارلىق سوغا - سالاملارنى ئەۋەتىپ مۇبارەكلەپ، ھەددىدىن زىيادە مەرھەمەت ۋە ئىلتىپاتلارنى قىلىپ، ناھايىتى زور مېھرىۋانلىق قىلدى. بۇ خىزمەتچىلەر شەرەپلىك ۋە گۈزەل سائەتتە يېتىپ كېلىپ، بۇزۇرۇك خان تۆرەم بىلەن كۆرۈشتى. تۆرەم شاھلىق تاجىنى مۇبارەك بېشىغا قويدى، ئاتقا مىنىپ، قورال - ياراقلارنى قولىغا ئالدى. ھەممە چوڭ - كىچىكلەر مۇبارەكبادلىق ساداسىنى ۋە خوشلۇق ئاۋازىنى بۇ كۆك رەڭلىك پەلەكتىن ئۆتكۈزدى. سۇلتان، پادىشاھلارنىڭ قائىدە - ئۇسۇللىرى بويىچە پادىشاھلىق تەختىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ ئاتۇشلۇق مەھمۇت خاننى شاغاۋۇل قىلىپ تەيىنلىدى ۋە باشقا ھۆدەيچى، پەرۋانچى، ئىشىك ئاغىسى قاتارلىق مەنسەپدارلارنى بەلگىلىدى. ئىلاھىم ئونىڭ ئاپتاپ دۆلەتلىرى سايىسىنى ئۈستۈن قىلغايسەن — ئامىن!

2

زەپەر ئاتىسى جانابى سەئىد بۇزۇرۇك خان تۆرەمنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ۋە كۇچارلىق خوجاملارغا قىلغان ئىستىلاسى، فەرغانە ۋىلايىتىدىن قېچىپ كەلگەن كاتتىلارنىڭ ئەھۋالى، مۇھەممەت ياقۇپ بەگ قۇشبېگىنىڭ ماقالەتلىرى، قىپچاق بۇزغۇنچىلىرىنىڭ ۋەقەلىرى بايانى

باتۇر خىسلەتلىك دوستلار، يېقىن مۇھەببەتلىك سۆھبەتدالارنىڭ ئوچۇق كۆڭلىگە يېتىپ مەلۇم ۋە يېقىن بولغايىكى، بۇنداق قىسسە ۋە ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، ئۇلۇغ پەيغەمبەر ۋە سەئىد ئەۋلادى بۇزۇرۇك خان تۆرەم بولسا جاھانگىر خان تۆرەمنىڭ ئوغلى، جاھانگىر خان تۆرەم بولسا سالىھ خان تۆرەمنىڭ ئوغلى، بۇ بولسا بۇرھانىدىن خان خوجام پادىشاھنىڭ ئوغلى، بۇ ئەخمەت خان تۆرەمنىڭ ئوغلى، بۇ بولسا سەيىد ئاپاق خوجامنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇزۇرۇك خان تۆرەم تەخت سەلتىنەتتە ئولتۇرۇپ، كاشغەر، يېڭى ھىسار تەۋەسىگىچە مۇناسىپ ئادەملەرنى تەيىنلەپ، ھەرقايسىسىغا ئۆز لايىغىدا تون - كېچەكلەرنى بېرىپ، شاھانىلىق مەرھەمەت ۋە پادىشاھلىق ئىنايەتلەرنى قىلىپ خاتىرجەم بولدى. قالايمىقان ۋە بىسەرەمجان كۈنلەر ئۆتۈپ، ئىنتىزام ئورنىتىلدى.

ياقۇپ بەگ قۇشبېگى بولسا لەشكەر تەييارلاشنىڭ ھەرىكەت ۋە تەردەدۇتلىرىگە چۈشتى ۋە جانابى تۆرەمگە ئەرز تۇتۇپ، ”يۇرت - پۇقرالاردىن نەرسە ئېلىپ يىگىت تەييارلىساق“ دېدى. تۆرەم ”پۇقرالارغا زۇلۇم بولارمىكىن دەپ ئانچە ماقۇل تۇتمىدى. قۇشبېگى خاپا بولۇپ، ھەر كۈندىكى ۋەزىپە سالامغا كەلمەي، بەلكى كېتىمەن دەپ، سەرمەن دېگەن جايغا چىققاندا، جانابى تۆرەم كىشى ئەۋەتىپ، ئىلتىجا بىلەن ياندۇرۇپ كەلدى. بۇ چاغدا، كاشغەر تەۋەسىدىكى مۇغال تېرىملىق مۇقەررەپ شابەگ، غازى پەنسەت، ئەزىز بەگ جاللات، موللا ئىبراھىم قاتارلىقلار ئەرز قىلىپ، ”قۇشبېگىنىڭ نىيىتى باشقىچە، دۆلەت ئاللىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈمران بولۇش تەقەززاسىدا ھەرىكەت قىلىپ، دىمىغىنى بۇزۇپ تۇرۇپتۇ، ئەگەر جاھانشۇمۇل ھۆكۈم يارلىقلىرى بىز كەمىنىلىرىنىڭ قولىغا چۈشسە، قۇشبېگىنىڭ بېشىنى كېسىپ كېلىپ، ئاستانە پەلەك ئالى بارگاھلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىساق“ دېدى. بۇزۇرۇك خان تۆرەم مېھرىۋان بولۇپ ”سەۋرى قىلىڭلار، بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئەھدى - پەيمانلار ۋە ئانت - قەسەملەر بار“ دەپ، ماقۇل تۇتمىدى. لېكىن بىر مەھرەم بۇ سىردىن ۋاقىپ بولۇپ، بەختى ئويغاق قۇشبېگىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى غەپلەتتىن ئويغاتتى. قۇشبېگى ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، مەزكۇر پىتنە - پاساتچىلارنى تۇتۇپ سىياسەتتىن ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا، كاتتا خان تۆرەم باشلىق كاتتىلار ئارىغا چۈشۈپ، بۇلارنىڭ گۇنا قىلمىشلىرىنى تىلەپ، ”ھەرقانداق قىلسىمۇ بۇلارنىڭ ئورنىغا بىزنى قىلىسىلا“ دەپ تۇرغاندا، قۇشبېگى ئۇلارنى ئىلاجىسىز ئەپۇ قىلىپ، ھەپسىگە بۇيرۇدى. ئۇلار ئۆز گۇنالىرىغا توۋا - پۇشايمان قىلغاندىن كېيىن، يەنە مەرھەمەتكە ئېرىشتى. لېكىن ئوتتۇرىدا يەنىلا زىددىيەت پەيدا بولدى. مۇقەررەپ بەگ بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، بىر مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى توپلاپ، ئۇرۇشقا تەييارلاندى. بۇزۇرۇك خان تۆرەم، قۇشبېگى قاتارلىقلار ئونىڭ ئۈستىگە لەشكەر تارتىپ بېرىپ، تالان - تاراج قىلىپ ياندى. مۇقەررەپ بەگ باراۋەرلىك قىلالماي، كۇچار خوجىلىرىنىڭ ھىمايىسىگە كىردى. بۇ خوجاملار بولسا مۇقەررەپ بەگنى ئۆزىگە يېقىن - مۇقەررەپ قىلىپ، ئونىڭ كېلىشىنى پالنىڭ ئوبدان چۈشكىنى دەپ ھېسابلىدى. ئۇلارنىڭ قۇشبېگى بىلەن ئۇرۇشۇش مۇددىئاسى يېڭىۋاشتىن ئويغاندى. ئەنە شۇنداق ھالەتتە كۇچار خوجىلىرى نۇرغۇن پاراكەندە لەشكەرلەر بىلەن ئېرىققا كەلدى. بۇ ۋەقە ئاۋالقى داستاندا يېزىلغان ئىدى، يەنە تەكرارلانسا ئوقۇغۇچىغا مالاللىق يېتىشى مۇمكىن.

لېكىن، قۇشبېگى خوجاملارنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ۋە لەشكەرلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلىپ، ئاللا دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلىپ يالۋۇرۇپ مۇناجات قىلىپ، ھاجەتلىرىدىن چىقىشنى تەلەپ قىلىپ، ”ئەي ئالەم سىرىنى ۋە مەخپىيەتلىرىنى بىلگۈچى ئاللا! بۇ كەمىنىنىڭ دىلىدىكى يوشۇرۇن سىرلار سېنىڭ دەرگاھىڭدا رۇشەن ۋە ئاشكارىدۇر. ئەگەر ھەق خوجالار تەرىپىدە بولسا، ئۇلارغا پەتھى نۇسرەت ئاتا قىلغايسەن ۋە ئەگەر ھەق بۇ بەندەڭ تەرىپىدە بولسا زېمىن يۈزىدىكى بارلىق بەختى قۇتۇپ يۇلتۇزىدەك ئەۋلىيا ئەزىزەلەر، ئۇلۇغ پەرىشتىلەر ھەتتا جىن ۋە دىۋە پەرىزاتلارنى ماڭا يار - مەدەت ۋە يۆلەكچى قىلغايسەن“ دەپ سۇبھان ئاللا تائالادىن نۇسرەت ۋە زەپەر ئۈمىت قىلىپ، ئەسكەرلىرىنى تەييارلاپ، بۇزۇرۇك خان تۆرەمنى باش قىلىپ، جەڭگە قاراپ يولغا چىقتى. لېكىن ئونىڭ ئەسكەرلىرى ئىككى مىڭغا يەتمەيتتى. بۇ سائادەت ۋە ئىنتىزاملىق زاماندا، گۇلاپ ھاكىمى ھەمراخان دېگەن ئىككى يۈز ئەللىك نەپەر تەييار ئادىمى بىلەن يار - دەمگە كەلدى. بۇلارنىڭ كېلىشى مۇبارەك پالنىڭ ئامىتى دەپ ھېسابلىدى. خوجالارنىڭ لەشكەرلىرى بولسا ئىنتايىن كۆپ ئىدى. ئىككى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرى جەڭگە كىرىشتى. بىر قانچە باتۇر ۋە قەيسەر يۈرەكلەر ئوتتۇرىغا ئات سېلىپ كېلىپ، ئۇرۇشقا كىرىشتى. نۇرغۇن ئادەم نابۇت بولدى. كۇچار لەشكەرلىرى بىر قانچە قېتىم غەلىبە قىلىپ، قۇشبېگىنىڭ لەشكەرلىرىنى ئارقىغا ياندۇردى. ئاخىرى ئابدۇللا پەنسەت ۋە غازى پەنسەتلەر خوجالار سېپىنىڭ بىر تەرىپىنى بۇزدى. بۇ چاغدا قۇشبېگىنىڭ ئوڭ يېغىسىغا ئوق تېگىپ توختاپ قالدى. ئۇ ناھايىتى بىھۇزۇر بولۇپ، ئابدۇللا پەنسەتكە ”ماڭا ئوق تەگدى. ئاتقا ئولتۇرالمايدىغان ھالەتكە يەتتىم“ دەپ ئەمدىلا ئېغىز ئېچىشى بىلەن، مەزكۇر پەنسەت ”ھەي نامەرت! مۇشۇنداق چاغدىمۇ بۇنداق گەپنى قىلامدىكەن. بىزلىرى كىم ئۈچۈن جان بېرىپ ۋە جان ئېلىپ تۇرۇپتىمىز؟ قانداق پادىشا ئۇلۇغلار بۇنداق جەڭ مەيدانىغا ھازىر بولغان؟ ھەر نېمە بولساقمۇ ئات ئۈستىدىن چۈشمەڭ دېمىگەن“ دەپ بىر تەرەپتىن ئاچچىق ئاغرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتخاھلىق يولنى قىلىپ، قاتتىق سۆزلەر بىلەن دەشنەم بېرىپ، يەنە جەڭگە كىرىپ كەتتى. ئەنە شۇنداق پەيتتە ئۇرۇشنىڭ غەلىبە شامىلى قۇشبېگى قوشۇنلىرى تەرەپكە يۈزلەندى، كۇچار لەشكەرلىرى ئارقىغا يېنىپ قاچتى. بۇلار ئىككى تاش ياكى ئۈچ تاش مىقدارى كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئولجا - ئەسىرلەرنى ئېلىپ ياندى. قىتئە:

گەر گادا ۋە شاھقا كەلسە قازادىن چارە يوق،

تارتماي بولماس ئىلاج دەفىگە ئانىڭ چارە يوق.

سەختلىقنى ئەھلى دۇنياغا مۇقەررەر قىلدىلەر،

باشقا كېلسە بىنا گاھى سەبىر قىلماي چارە يوق .

نەزم:

لەشكەرى پەراكەندىدىن ئىش كەلمەگەي،

ئىككى يۈز مەردانە جەڭى ياخشىراق يۈز مىڭدىن.

لېكىن بۇ چاغدا ئون مىڭچە تۇڭگانى تايىپىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى توپ، زەمبىرەكلىرىگە ئوت بېرىپ، تا نامازشامغىچە ئورنىدىن زادى يۆتكەلمىدى. بۇ چاغدا ئىككى تەرەپ ئېلىشىپ، ئەھدى - پەيمانلارنى قىلىشىپ، سۈلھى شەرتنامىلەر بىلەن يارىشتى. قۇشبېگى ئۇلارنى كاشغەر دارىسەلتىنەتىگە ئېلىپ ماڭدى ۋە توپ، زەمبىرەك، قورال - ياراق، ئالتۇن، كۈمۈش، ئوق - دورا قاتارلىق ئولجا - غەنىمەتلەرگە ئىگە بولدى. بۇ ۋەقە تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئىككىنچى يىلى جامادىيەل ئاخىرىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 1865 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى — ت) يۈز بەرگەن ئىدى.

قۇشبېگى قەشقىرگە قايتقاندىن كېيىن، زامان سىناقلىرىدىن ئۆتكەن تەجرىبىلىك جاراھەتچىلەرنى ھازىرلاپ، ئۇستۇرا بىلەن يوتىسىنى يېرىپ ئوقنى ئالدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، جاراھەتچى بەدۆلەت ئاللىرىنىڭ يوتىسىنى تىغ بىلەن يېرىپ ئوقنى ئېلىۋاتقان چاغدا، ئۇ بىر مىرزىنى ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئىنايەتنامىلەر يېزىشقا سۆز سۆزلەپ تۇرۇپتۇ. مىرزا بولسا ئونىڭ سۆزىنى پۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا ئونىڭ ياكى رەڭ - چىرايى ئۆزگەرمەپتۇ ۋە بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماپتۇ، ياكى بۇيرۇق - پەرمانلىرىدىن ئازماپتۇ. دېمەك، قۇشبېگىنىڭ غەيرەت ۋە جۈرئەتلىرىنى بۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلىۋېرىسىزلەر.

بۇزۇرۇك خان تۆرەم، قۇشبېگىلەر غەلىبە بىلەن دارىسەلتىنەت كاشغەرگە بارغاندىن كېيىن، مۇلايىم سۆز ۋە شېرىن تىللار بىلەن تۇڭگانلارغا نۇرغۇن ئىنئام - ئېھسانلارنى قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىپ، قولىدىكى قورال - ياراقلىرىنى جەڭ - جېدەلسىز قولغا ئېلىپ، مۇناسىپ تون - كېچەك، سەللە، كۇلا ۋە پۇل - تىللالارنى سوغا قىلىپ، ۋەدىلىرىنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرۇپ، قورقۇنچتىن خالاس قىلدى. لېكىن، بۇ چاغدا خىتايلار شەھىرى تېخى ئېلىنمىغان ئىدى. خىتايلارنىڭ بولسا ئاش - ئوزۇقلىرى تۈگەپ، ئاچلىق دەردىدىن قەبرىدىن قەبرىلىرىنى ۋە كىچىك نارسىدە بالىلىرىدىن ئىت، مۈشۈكلىرىگىچە ئۆلتۈرۈپ يەپ تۈگىتىپ، گۇيا ھەر بىرى خۇددى بىر پانۇستەك بولۇپ، ئۆز جېنىغا رازى بولۇپ، دەۋازىنى ئېچىپ چىقىپ، خۇددى شاھادەت ئېيتقاندەك ئاغزىدا بىر نېمىلەرنى دەپ تۇردى. دەسلەپكى مۇھاسىرىدىن بۇ دەمگىچە تولۇق ئون ئۈچ ئاي ئۆتكەن ئىدى. بۇ پادىشاھى بەختىيار ۋە سائادەت ئەسار بۇزۇرۇك خان تۆرەم بارلىق خىتايلارغا رەھمى - شەپقەتلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى ئىمان شەرىپىگە دالالەت قىلدى، ھەممىسىلا شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تېگىشلىك ئىنئام - ئېھسانلارنى قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى ۋە خۇدالويە دېگەن باشلىغىنى يەنە چوڭ قىلىپ، بۇلارنى خۇدالويەگە تاپشۇردى. خۇدالويە دېگەننىڭ خۇددى يەككە ئۈنچىدەك، گۆھەر قىياپەتلىك، پەردە نومۇسلۇق گۈزەل بىر قىزى بار ئىدى. ئۇنى ئۆز ئەقدىگە ئېلىپ، نىكا رىشتىسىگە باغلىدى. ناھايىتى زور مەرھەمەت ۋە ئىلتىپاتلار بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەمنۇن قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

ئەلخىسسە، كاشغەر شەھىرى پەتھى بولۇپ تېخى ھەپتە ئۆتمىگەن ئىدى. تاشكەنتنىڭ مىڭ ئۆرۈك دېگەن جايىدا موللا ئالىم قۇل ئورۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئوق تېگىپ، شاھادەتلىك شەرۋىتىنى ئىچتى. ئونىڭ ھەممە نۇسرەت ئالامەت ئەسكەرلىرى خۇدايارخاننىڭ ئالدىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالماي، تېزلا پارچىلىنىپ، ھەر تەرەپكە پۈزىلەڭدى. چۈنكى، بۇلار موللا ئالىم قۇلنىڭ ئىنئام - ئېھسانلىرىغا مەغرۇرلىنىپ ۋە ئالدىنىپ، ئارقىسىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى، بۇلارنىڭ بىر قانچە كاتتىسى جان ساقلاشنىڭ ۋەھىمىسى ۋە قايغۇسىدا كاشغەرگە قاراپ راۋان بولدى. بۇ ۋەقە بۇزۇرۇك خان تۆرەم كاشغەرگە كېلىپ يەتتە ئايدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىدى. كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە كاتتا خان تۆرەم، كىچىك خان تۆرەم، ۋەلى خان تۆرەم، ئىسرائىل خان تۆرەم، مۇھەممەت رېھىم خان تۆرەم، ھېكىم خان تۆرەم، مىرزا مۇھەممەت قۇشبېگى، مۇھەممەت نەزەر بەگ، قادىر قۇلى بەگ، خۇدايقولى بەگ، ئۆمەر قۇل باھادۇر بېشى، مىر بابا دادخۇا، تۇردى قۇل دادخۇا، باقى بەگ دادخۇا، بەگ مۇھەممەت قورچى، تاش دادخۇا، پەيزۇللا دادخۇا، تاشباي دادخۇا، ئاۋغان جامىدار دادخۇا ۋە خەير مۇھەممەت توپچى، دار بوخچە بەردار قاتارلىق بىر قانچە زامان ئىشلىرىدىن تەجرىبىلىك باتۇرلار ۋە بالا - چاقىلىرى بولۇپ يەتتە مىڭدىن كۆپرەك باتۇر ۋە تەييار ئادەمنىڭ كاشغەرگە كەلگەنلىگى خەۋىرى ئاڭلاندى. بۇزۇرۇك خان تۆرەم، قۇشبېگىلەر ئاڭلاپ، ئىككى پەنسەتنى يىگىتلىرى بىلەن ئالدىغا چىقاردى ۋە بۇلارغا ”ئەگەر ئۇلار ئىتائەت ۋە پەرمانبەردار بولۇپ كەلگەن بولسا، بىزگە ئۇچۇرىنى بېرىپ، يول باشلاپ كېلىڭلار، مۇبادا باشقا مۇددىئالىرى بولسا، قاراۋۇلدىن بۇ تەرەپكە ئۆتكۈزمەي، بىزگە خەۋەر بېرىپ، توساپ ئۇرۇشۇڭلار، ئۈستۈڭلەرگە بېرىپ، ياردەم ۋە مەدەت بېرىمىز“ دەپ بۇيرۇق بېرىپ يولغا سالدى. مەزكۇر پەنسەتلەر ئۇلار بىلەن قىزىل سۈيىنىڭ لېۋىدە ئۇچراشتى. كاتتا خان تۆرەم، مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىلەر پەنسەتلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ”يۇرتىمىزنى ئورۇسىيە بېسىۋالدى. بىز جاننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ھەرقانچە بولسىمۇ ھەمدىيارلىق رىئايە شەپقىتى بار، ئونىڭ ئۈستىگە ئىسلام ئېچىپتۇ. ئەگەر خىزمەتكە سالسا بەقەدەر ئەھۋال خىزمەت قىلارمىز. ئەگەر خىزمەتكە سالمىسا، بىر نېمە قىلىپ كۈن ئالارمىز دەپ باشپاناھلاپ كەلدۇق“ دەپ قاتتىق قەسەم - شەرتلەرنى تەكىتلەپ قاراپ تۇردى. پەنسەتلەر بۇنى ئاڭلاپ، بۇزۇرۇك خان تۆرەمەلەرگە ئۇچۇرىنى بېرىپ، باشلاپ كېلىپ ئۇچراشتۇردى. ئوتتۇرىدا باشقىدىن ئەھدى - پەيمانلار ۋە ئانت - قەسەملەر ئادا قىلىنغاندىن كېيىن، خان تۆرەم ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆز لايىغىدا تون - كېچەك كىيىدۈرۈپ، جاي - ماكان تەيىنلەپ ئورۇنلاشتۇردى.

لېكىن، ۋەلىخان تۆرەم كاشغەر شەھىرىگە كىرىشى بىلەنلا، ھېچ تارتىنماستىن ”زاماننىڭ زامانى ۋەلىخان تۆرەمنىڭ زامانى“ دەپ كوچىلاردا جار سېلىپ، ناغرا، كانايلارنى شادىيانىگە سوقتى. قۇشبېگى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئىككى پەنسەتنى دەستىسى ياردەمچىلىرى بىلەن بۇيرۇپ، ۋەلىخان تۆرەمنى بارگاھىغا ئېلىپ كېلىپ، غەزەپ بىلەن قاتتىق ئەيىپلەپ، ”بىزلىرى بۇ يەردە خىتاي شەھىرىنى ئالالماي بىر مۇنچە جاپا - مۇشەققەتنى چېكىپ، ھەر نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتىمىز، سىز بولسىڭىز بەش، ئوندەك باشباشتاق ئادەمنى تېپىپ، ئۆزىڭىزچە بۇ يۇرتلارغا ئىگىدارچىلىق ئىشتىياقىنى قىلىپ يۈرىسىز. ئىلگىرى كېلىپ كاشغەرنى ئالالماي مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىدىن كاللا مۇنارلارنى ياساپ، كۆپ ناھەق قانلارنى تۆكۈپ، نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ خۇنىغا زامىن بولۇپ قېچىپ كەتتىڭىز، ئەمدى بىز خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتىپ تۇرغان ۋاقتىمىزدا، سەن نېمە ئادەم دېيىشكە ئاغزىڭىز بارماي، شەھەرنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلغىلى قەست قىلىسىز“ دەپ قاتتىق سۆزلەرنى قىلىپ، غەزەپ ئاتەشلىرى ئۆرلەپ، خەنجىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ چاپقىلى تەمشەلگەندە، كاتتا خان تۆرەم باشلىق چوڭلار ئارىغا چۈشۈپ، ئونىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ، گۇناسىنى تىلەپ ئالدى. لېكىن، ئىككى ناغرىچىسى ئۈچ ئادىمىنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. ۋەلىخان تۆرەمنى يېڭى ھىسارغا ئەۋەتتى، ئونىڭ نېمە بولغانلىغىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى ھەم بىلمىدى.

گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، كۇچارلىق خوجاملار خان ئېرىقتىكى جەڭدە شىكەست يەپ قاچتى. ياركەنت قۇشبېگىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشتى. ياركەنتتىكى خوجاملارمۇ ئەندىشە قىلىپ قورقۇپ، بۇ جاينى قۇشبېگىگە قوشۇپ بېرىپ يانغان ئىدى. بۇ سائادەت يار ۋە دۆلەت ئاسارنىڭ دۆلىتىنى مۇلاھىزە قىلىپ تاماھ قىلماق لازىمكى، ئۇ بىر تال ئوق بىلەن ئىككى كېيىكنى ئاتتى. بىر ھۇجۇم بىلەن ئىككى شەھەرگە ئىگە بولدى. قۇشبېگى ياركەنتنىڭ بوش قالغانلىغىنى بىلىپ، بۇزۇرۇك خان تۆرەم باشلىق كاتتىلارنى ھەمرا قىلىپ ياركەنتكە بېرىپ، بۇ جاينى رەسمىي ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىغى دائىرىسىگە ئالدى. لېكىن، ياركەنتتىكى تۇڭگانلار ئىتائەت قىلماي، شەھەرنى مەھكەم ساقلاپ دەۋازىلىرىنى ئاچمىدى. تۆرەم باشلىق ھەممە قوشۇنلار ياركەنتتىكى تۇڭگانلار شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ تۇرغان بۇ كۈنلەرنىڭ ئىچىدە، بەگ مۇھەممەت قورچى بىر قانچە بۇزغۇنچى قىپچاق ئەھلى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، توغرا ئىتتىپاق يولىدىن چىقىپ، شەيتان سۈپەتلىك پىتنە - پاساتلارنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، بۇزۇرۇك خان تۆرەمنىمۇ توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ، قورال - ياراقسىز ئېلىپ قېچىپ، كاشغەرگە ئاپىرىپ، يېڭى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ قارشىلىق ۋە ئۇرۇش دۇمبېغىنى سوقتۇشقا باشلىدى. قۇشبېگى بۇ پىتنە خەۋەرنى ئاڭلاپ، كاتتا خان تۆرەم بىلەن جامىدار دادخۇانى بىر قانچە يىگىت بىلەن كاشغەرگە ماڭدۇردى. بۇلار كېلىپ بۇزۇرۇك خان تۆرەمنىڭ قايسى جايدا ئىكەنلىگىنى ئېنىقلاپ ئەلچى كىرگۈزدى. ئەلچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئەسەر بولمىدى. شۇڭلاشقا، ئىككى تەرەپ جەڭگە تەييارلاندى. ئارىدا يەنە ئون كۈن ئۆتمەيلا، قۇشبېگى كىچىك خان تۆرەمنى ياركەنتتە قالدۇرۇپ كاشغەرگە كەلدى. ئارىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك جەڭ - جېدەللەر يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم زىيان بولدى. بۇ كۈنلەردە ياراتقۇچى سۇبھان ئاللانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىن چۈشكەن دەلۋە پەسلىدىكى قىش - زىمىستان ھاۋاسى ۋە دەھشەتلىك قار - شۇۋۇرغان سوغاقلىرى دوست بىلەن دۈشمەنگە باراۋەر تەسىر قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ، ئاتمىش كۈن ئۆتتى. ئاخىرى ئۇزاق تەدبىرلىك، نازۇك تەمكىنلىك ۋە قاتتىق دۆلەتلىك قۇشبېگى غازى ئاتالىق ئۆزىنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرىنى چىقىرىپ سۈلھى يولى بىلەن بۇ پالەكەتتىن قۇتۇقۇزۇشنى ئويلىدى ۋە پىتنە - پاساتچى بەگ مۇھەممەت قورچىنىڭ ئالدىغا ئەلچى كىرگۈزدى. مەزكۇر ئەلچى مەقسەت - مۇددىئاسىنى سۆزلىگەندىن كېيىن، قورچى ”ئەمدى بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئىتتىپاقلىق كۆتۈرۈلدى. ئەمدى ئىككىنچىلەپ مۇئەسسە قىلىپ يالغان دوست بولۇشنىڭ ئېھتىمالى يوق. ياخشى مەسلىھەت شۇكى، قۇشبېگى جاۋاپ بېرىپ بىزگە زىيان - زەخمەت قىلمىسا، بىز بارلىق قىپچاقلار بالا - چاقىلىرىمىزنى ئېلىپ يۇرتىمىزغا چىقىپ كەتسەك“ دەپ جاۋاپ قايتۇردى. ئەلچى قورچىنىڭ جاۋابىنى بىر - بىرلەپ قۇشبېگىگە مەلۇم قىلدى. قۇشبېگىمۇ ماقۇل بولۇپ جاۋاپ بەردى. قىپچاق گۇرۇھى ئۆزلىرىنى جابدۇپ، ئىككى يۈزدەك كاتتىلىرى دەۋازىدىن چىقىشى بىلەن، قۇشبېگى دەۋازىنى مەھكەم ئېتىپ قالغانلىرىنى چىقارمىدى. چىققانلىرى چىقىپ كەتتى. قالغانلىرى شەھەردە قالدى. قورچى باشلىق يولغا چىققانلارنىڭ خوتۇن - بالىلىرى قۇشبېگىنىڭ قولىغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى تىغ سىياسىتىدىن ئۆتكۈزدى، بەزىلىرىنى نەزەربەنت قىلدى. پىتنە - پاساتلار بىر تەرەپ بولۇپ، يۇرتقا تىنچلىق ھاسىل بولدى.

لېكىن، بۇزۇرۇك خان تۆرەم خىجالەتچىلىكتىن بېشىنى ئۈستۈن ئالالمىدى. شۇنداق ھالەتتە قۇشبېگى ئونىڭ يىگىت، مەھرەملىرىگە ئىنئام ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارغا تون - كېچەكلىرىنى ياپتى، تىللا - تەڭگىلىرىنى چاچتى، ھەممە قوشۇن يىگىتلىرى قۇشبېگىگە ئۇلاشتى. خۇددى ”ئىنسان ئېھساننىڭ قۇلىدۇر“ دېگەندەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا قۇشبېگىنىڭ كەينىگە ئەگەشتى. بۇزۇرۇك خان تۆرەمنىڭ ئالتە يۈزچە خاس يىگىتلىرى بار ئىدى. بۇلارمۇ ئىنئام - ئېھسانلارنى كۆرۈپ قۇشبېگى تەرەپكە ئۆتتى. تۆرەم پەقەت ئەللىكچە يىگىتى بىلەنلا قالدى. ئاخىرى قۇشبېگى تۆرەمنى بەش نەپەر يىگىتى بىلەن يېڭى ھىسارغا ئەۋەتتى ۋە بۇ بەش نەپەر يىگىتتىنمۇ ئايرىپ تەنھا تۇتۇپ، ئۆز يىگىتلىرى خىزمەتچىلىرىنى تۆرەمنىڭ خىزمىتىگە قويۇپ، ئۇنى نەزەربەنتلىك ئورنىدا مۇھاپىزەت قىلدى.

بۇ چاغدا بەگ مۇھەممەت قورچى قوقەندگە بارغاندىن كېيىن، ئالىي مۇقاملىق خۇدايارخان ئاللىرى خەۋەردار بولۇپ ”سەن قىپچاقلار بۇ شەھەرلەرنى بىسەرەمجان قىلىپ ئورۇسلارغا بەردىڭ. ئاندىن كاشغەرگە قېچىپ بېرىپ كاشغەرنىمۇ بىسەرەمجان قىلدىڭ“ دەپ غەزەپ ئاتەشلىرى ئۆرلەپ، قورچى باشلىق قىپچاقلارنى دەم تىغىدىن ئۆتكۈزۈپ، بۇرۇنقى پانا يولىغا قەدەم قويۇپ، كەتسە كەلمەس بولۇپ كەتكەن كارۋانلارنىڭ ئارقىسىدىن ناھايىتى تېز يولغا سالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، قىپچاقلار كاشغەردىن قېچىپ بارالمىدى، مەزكۇر قورچى بولسا قەدىمقى ئابائى ئەجداتلىرىدىن تارتىپ يۇرت سوراپ كەلگەن ۋە دەشتى قىپچاقلار ئىچىدە ئۇلۇغلۇق بىلەن ئۆتكەن گۆر ئوغلى (172) باتۇرنىڭ نەۋرىلىرىدىن ئىدى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بارلىق قىپچاقلار گەدىنلىرىنى تۆۋەن قىلىپ، بويىنىنى سۇنۇپ، ئەمىر ئىتائەت ۋە پەرمانبەردارلىقنى ئۆزلىرىگە لازىم ۋە راۋا دەپ بىلدى. بۇمۇ قۇشبېگىنىڭ دۆلەت ئىقباللىرىنىڭ ئۆرلۈشىگە سەۋەپ بولدى. نەزم:

شاھقا ئەگەر بولسىلەر دۆلەت بەختى يار،

بولۇر شاھلارغا پەتھى نۇسرەت دۇچار.

3

ياراتقۇچى سۇبھان ئاللا ئىگىمنىڭ پەزىل ئىنايىتى بىلەن مۇھەممەت ياقۇپ بەگ قۇشبېگى غازىنىڭ تەختى سەلتىنەتتە ئولتۇرغانلىغى، مۇخالىپلار سەررەمجانى ۋە لەشكەرلىك قانۇن - تەرتىپلىرى، مارالۋېشى، يار - كەنتنىڭ ئېلىنىشى، خوجا ئىسھاق تۆرەنى ئىستىلا تېپىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

ئەقىدىسى سادىق بۇرادەرلەر ۋە مۇۋاپىق مۇھەببەتلىك دوستلارنىڭ توغرا سەۋيىلىرىگە يېتىپ ئوچۇق - ئاشكارا بولغايىكى، نەقلى ھېكايە ۋە قىسسە - ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق بارلىق بىسەرەمجان ۋە باشباشتاقلىقلارنى ئۆزى كۆزلىگەن مەقسەت ۋە نىشانى بويىچە تىنچىتىپ ۋە ئىنتىزامغا سېلىپ، ئۇ مېھرىۋان ھەم قەھرى - غەزەپلىك ئۇلۇغ ئاللانىڭ ھەممىگە تېگىشلىك لۇتپى ئىنايەتلىرىگە پۈتۈنلەي تەۋەككۈل قىلىپ، كاشغەر، يېڭى ھىسار ۋە ئونىڭغا قاراشلىق كەنت - زېمىنلارغا ئۆزى مۇستەقىل ۋە ئىختىيارەن ھۆكۈمران بولدى. جاي - جايلارغا ھاكىم، سۈيۈرغاللارنى تەيىنلىدى، دۆلەت ئىقباللىرى بويىچە بارلىق يىگىتلىرىگە لۇتپى ئېھسانلارنى قىلىپ، كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ، خاتىرجەم بولدى. ئۇ جالا - لەتلىك خۇدانىڭ پەزىل ئىنايىتى بىلەن يۇلتۇزلىرى يورۇقلۇق بۇرچىدا ياندى. شۇ چاغدا ئونىڭ كۆڭۈل ئەينىكىگە كېچە - كۈندۈز يىگىت راسلاش، سەرۋاز تەييارلاش، جەڭ قورال - ياراقلىرىنى سۇق - تۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق خىيال ياكى ئىشتىياق چۈشمەيتتى. دەل مۇشۇ كۈنلەردە شەرق تەرەپتىكى كۇچار خوجىلىرىدىن بولغان ئىسھاق تۆرە قىيامەت ئەسەرلىك لەشكەرلىرى بىلەن ئاتلىنىپ، ياركەنت شەھىرىگە كىرىپ ئولتۇردى دېگەن يامان خەۋەر قۇشبېگىنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا ئاڭلانغىلى تۇردى. ئۇ يىگىت ۋە سەرۋازلىرىنىڭ سانىنى خەتلەپ تىزىمغا ئالدى. نەتىجىدە ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق يىگىت ۋە ئۈچ مىڭ پىيادە سەرۋاز دەپتەرگە چۈشتى. جامدار دادخۇانى ئۈچ مىڭ سەرۋازغا ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، توپ - زەمبىرەك، تۇغ، ئەلەم، بايراق، داقا - دۇمباق قاتارلىقلارنى تەقسىم قىلىپ، قول ئاستىغا سەككىز پەنسەتنى تەيىنلەپ، ئۇنى يارلىق جاھاننامە بىلەن ئورنىنى كۆتەردى؛ يەنە مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىنى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، سەككىز پەنسەتنى ياردەمچى قىلىپ، ئونىڭغا ئۈچ مىڭ يىگىتنى تەقسىم قىلدى ۋە تۇغ، ئەلەم، بايراق قاتارلىقلارنى ئىلتىپات قىلىپ، ئۇنى قۇياش نۇرىدەك يارلىق بىلەن مەمنۇن ۋە ئۈستۈن قىلدى؛ ئۆمەر قۇل باتۇر بېشىنى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، سەككىز پەنسەت تەيىنلەپ، ئۈچ مىڭ يىگىت، تۇغ، بايراق، ئەلەم بىلەن مېھرىۋانلىق كۆرسىتىپ، ئونىڭغا مۇبارەك يارلىق بويىچە ئالاھىدە ئورۇن بەردى؛ ئابدۇللا پەنسەتنى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، سەككىز پەنسەت بىلەن ئۈچ مىڭ يىگىت ئايرىپ، تۇغ، بايراق، ئەلەملەرنى ئىنايەت قىلىپ، ئۇنى ئالىم ئىتائەت يارلىغى بويىچە ئىززەتلىدى. قۇشبېگى جانابى ئاللىرى ئۆزىگە سەككىز پەنسەت، ياساۋۇل، مەھرەم ۋە ئۈچ مىڭ يىگىتنى خاس قالدۇرۇپ، ئۇلارغا كاتتا تۇغ تاپشۇردى. بۇ زامان ئىنتىزامىنىڭ ھۆسنى نىشانى بولغان مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىنى چاپاۋۇل قىلىپ يىگىتلىرى بىلەن مارالۋېـشىنى مۇھاسىرە قىلىشقا چوڭ يارلىق چۈشۈردى. قالغان ئەمىرى لەشكەرلەرنى قىل قۇيرۇق قىلىپ، كەينى-كەينىدىن ماڭدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىردا ئۆزى پادىشاھلىق دەبدەبەسى ۋە سەلتىنەت داغدۇغىسىنى نامايىش قىلىپ، دۆلەت ئەركانلىرى ۋە بۇرۇندىن بىللە بولغان ھۆكۈمرانلارنى باشلاپ غەلىبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياق قويدى ۋە مەنزىلمۇ-مەنزىل يۈرۈپ مارالۋېشىغا كېلىپ چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكتى.

مارالۋېشى شەھىرىدە تۇڭگانى ۋە مۇسۇلمانلار بولۇپ ئۈچ مىڭ ئادەم بار ئىدى. بۇ جايدىكى تۇڭگانلار كۇچارلىق خوجاملارغا ئىتائەت قىلىپ، مۇسۇلمانلار گۇرۇھىدىن ئۈستۈن ئورۇن ئېلىپ، ئۆز تېرىكچىلىكى بىلەن كۈن ئېلىپ تۇرغان ئىدى، بۇلار قۇشبېگى قوشۇنلىرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، دەۋازىلىرىنى مەھكەم ئېتىپ، سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ جەڭگە تەييارلاندى، ئاندىن ئىككى تەرەپ بىر ھەپتە جەڭ قىلىشقاندىن كېيىن، قۇشبېگىنىڭ قوشۇنلىرى لەخمە كولاپ، دورا قويۇپ، ئوت قويۇپ بەردى. بۇ سېپىلنىڭ بىر تەرىپىنى بۇزۇپ ئاسمان قەھرىگە كۆتەردى. ئاندىن لەشكەرلەر چاپسان يۈگۈرۈپ شەھەرنى پەتھى قىلدى، ئەجەل بىلەن ۋەدىلەشكەنلىرى كەتتى، ئەجەل يەتمىگەنلەر ساق قالدى، قۇشبېگى ساق قالغان تۇڭگانلار ۋە مۇسۇلمانلارغا مادالويە دېگەننى باش قىلىپ، ھەممە تۇڭگانلارنى كاشغەرگە يولغا سالدى. مارالۋېشىنى ھېكىم خان تۆرەمگە تاپشۇردى ھەمدە مىڭبېشى باتۇرنى باتۇر بېشى قىلىپ تەيىنلەپ، مۇبارەكلىشىپ يۈزىسىدىن قولىغا مۇبارەكنامە تاپشۇردى. بۇ ۋەقە تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچىنچى يىلى رەبىيۇل ئەۋۋەلنىڭ ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 1866 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى — ت) يۈز بەرگەن ئىدى.

ئەي جان يارەنلەر! بۇ پادىشاھنىڭ شاھماتۋازلىغىنى تاماشا قىلىڭلاركى، ئۇ بىر ئات سەكرىتىش بىلەنلا شاھنى مات قىلدى. يەنى ئۇ ئىسھاق خوجامنى ياركەنتكە بەنت قىلىپ قويدى. ئاقسۇ، كۇچاردىن ياركەنتكە ياكى ياركەنتتىن ئاقسۇ، كۇچار تەرەپكە ھېچقانداق كىشى بارالمىدى، ھەتتا بۇ يولدىن ئادەم ئۆتەلمىدى ۋە ھەرقايسى تەرەپتە كىم قانداق بولغانلىغىنىمۇ بىلەلمىدى. بەختى تەييارلىق بۇ جەڭ ئاياقلاشقاندىن كېيىن، قۇشبېگى غازى نۇسرەت ئەسەرلىك ئەسكەرلىرىنى ھەمرا قىلىپ، ياركەنتتىكى ئىسھاق خوجام بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلاندى. بۇزۇرۇك خان تۆرەمنى نۇسرەت ئولگۇلۇق قوشۇنلىرى بىلەن نەزەربەنت ئورنىدا ھەمرا قىلىپ، مەنزىلمۇ-مەنزىل يۈرۈپ ياركەنتكە بېرىپ، شۆھرەت-تەنتەنە قىلىپ، كونا شەھەر بىلەن يېڭى شەھەرنىڭ ئالدىدىن قورقماي ئۆتۈپ، ھەققى مۇھەممەدان دېگەن بىر ئۇلۇغ مازارنىڭ ئالدىدا توپ-توز كەتكەن بىر پارچە كەڭ ۋە ئىگىز مەيدانغا چېدىر-بارگاھ تىكىپ ئورۇنلاشتى.

بۇ چاغدا، تۇڭگانلار بېگى شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئىسھاق خوجام بولسا كونا شەھەرگە ئايرىم پەرمان قىلاتتى. ئاتالىق غازىمۇ بۇ جايدا ئۆز ھۆكۈمرانلىغىنى جارى قىلدى. ئىسھاق خوجام ياركەنتكە بارغان چاغدا، تۇڭگانلار كىچىك خان تۆرەمنى يېڭى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، دەۋازىنى مەھكەم سۇلاپ، ئۇنى تاشقىرىغا چىقارمىدى، راشىدىن خان خوجام بۇ چاغدا ئاتالىق غازىنىڭ مارالۋېشىنى ئالغانلىغىنى ئاڭلاپ، ھامىدىن خوجامغا بىر مىڭ لەشكەر تاپشۇرۇپ، مارالۋېشىغا ماڭدۇرغان ئىدى. ھېكىم خان تۆرەم بۇنىڭدىن ۋاقىپ بولۇپ، چارباغ ئالدىغا چىقىپ ئۇرۇشتى. شۇنداق قىلىپ، ئون نەچچە كۈن ئۆتتى. بەزىدە غەلىبە قىلىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ تۇرغان چاغدا، ئاخىرى قۇدرەتلىك غەيۇر ئاللانىڭ پەزلى ئىنايىتى بىلەن ھېكىم خان تۆرەم غەلىبە قىلىپ، ئولجا-غەنىمەتلەرگە ئىگە بولدى ۋە بۇ ئىقبال خۇش خەۋىرىنى نۇرغۇن سوغا-سالاملار بىلەن قوشۇپ، ئاتالىق غازىنىڭ پەلەككە ئوخشايدىغان بارگاھىغا ئەۋەتتى. بۇ خەۋەر سائادەتلىك ۋاقىت ۋە شەرەپلىك سائەتتە يېتىپ بېرىپ، ئاتالىق غازىنىڭ ئۇلۇغ نەزەر ۋە بۈيۈك نىشانلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. ئاتالىق غازى بۇنىڭغا ناھايىتى خۇرسەن ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، خەۋەر يەتكۈزگەن خىزمەتچىلەرگە تون، خەجلەيدىغان تىللا، قورال-ياراق قاتارلىقلارنى ئالاھىدە ئىنئام-ئېھسان قىلىپ، ھېكىم خان تۆرەمگىمۇ خەسە تون، ئات، تۇغ، بايراق، قورال-ياراق قاتارلىق نۇرغۇن سوغا-سالاملارنى مۇكەممەل تەييارلاپ ئەۋەتىپ، شاھانىلىق ئىلتىپات ۋە پادىشاھلىق مەرھەمەتلەرنى قىلدى.

بۇ چاغدا، ياركەنت تېخى قولغا كىرمەي، مۇھاسىرىسى ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئىدى. تۇڭگانلار بولسا ھەرقانداق چارە بىلەنمۇ شەرت-سۈلھىگە مايىل بولمىدى. چۈنكى، بۇ تايىپىلىرنىڭ سانى يىگىرمە بەش مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، قورال-ياراقلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئاقىۋەت تۇڭگانلار بىلەن ئىسھاق خوجام ئىتتىپاقلىشىپ، يەتتە مىڭ تۇڭگانى، ئىككى مىڭ مۇسۇلمان ۋە توپ-زەمبىرەك، جەزايىل، خودەن، قەللاپ قاتارلىق قورال-ياراقلار بىلەن بىر كېچىدە مەخپىي چىقىپ كېچىلىك ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. بەختى ئوچۇق، دۆلىتى بىللە ئاتالىق غازى نىياز بەگنىڭ ئىملاسى بىلەن بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ، شۇ كېچىسى قوشۇنلىرىنى تۆت تەرەپكە پارچىلاپ، چېدىر-بارگاھلىرى ۋە تۇرار جايلىرىنى خالى قىلىپ، ئاللا دەرگاھىغا يالۋۇرۇپ تۇرغان ھالەتتە، تۇڭگانى گۇرۇھى خۇددى چېكەتكىدەك ئۈشتۈمتۈت يېتىپ كېلىپ چېدىر-بارگاھلارغا ھەر تەرەپتىن زەمبىرەك ئېتىپ كۈچ كۆرسىتىپ، ئاندىن ئات يۈگۈرتۈپ كېلىپ قارىسا، چېدىر-بارگاھلار خۇددى دىۋە-جىنلارنىڭ ماكانىغا ئوخشاپ، ئونىڭ ئىچىدە ھېچقانداق ئىنسان خىلى ياكى ئادەم گۇرۇھىدىن ئەسەر يوق ئىكەن. بۇلار ئەھۋالنى كۆرۈپ سەراسىمىگە چۈشۈپ ھەيران بولۇپ تۇرغان ھالەتتە، خۇددى ئاسماندىن كەلگەن بالا-قازادەك ئۈشتۈمتۈت تۆت تەرەپتىن نۇسرەت بىشارەتلىك قوشۇنلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەگبىر ئېيتىپ، قىساس-سۈرەن ساداسىنى ئاسمان-پەلەككە كۆتۈرۈپ يېتىپ كېلىپ، شۇنداق چاپ-چاپ قىلدىكى، تۇڭگانلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئۇلۇغ دېھقانلارنىڭ زىرائەتگاھىدىكى ئۈنچىلەردەك يەر يۈزىدە توپ-توپ ۋە دۆۋە-دۆۋە بولۇپ يېتىپ قالدى. بۇلارنىڭ قانلىرى بىلەن قارا تۇپراقلارنىڭ يۈزى خۇددى دەشتى دالادا ئۆسكەن لالىلاردەك قىزىل گۈلىستانغا ئايلاندى. شۇنداق قىلىپ بىر كېچە-كۈندۈز، بەلكى ئىككىنچى كۈنى چاشكا ۋاقتىغىچە ئۇرۇش قىرغىنچىلىق ئوتلىرى كۆيۈپ تۇردى. نەتىجىدە، ناھايىتى ئاز ئادەم بۇ ئۈشتۈمتۈت كەلگەن بالا-قازادىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنى نىجات شەھىرىستانىغا ئالدى، بىر مۇنچىسى ئولجا-ئەسىرگە چۈشۈپ تىغ سىياسەت ۋە غەزەپ-قەھرىيىتىن ئۆتتى. ئۇرۇش غەلىبىسى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئاتالىق غازى ئاللىرى ”ئىككى مىڭ نەپەر سەرۋاز پىدائىيلار بىرلا ۋاقىتتا يالىڭاچ بولۇپ سېپىلغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، شەھەرنى پەتھى قىلىپ قىرغىنچىلىق قىلسۇن“ دەپ يارلىق قىلدى. بۇ چاغدا ئەمىرى-لەشكەرلەر ۋە كاتتا ئەمىرايىلار ئارىغا چۈشۈپ، ”مەرھەمەتپاناھ سەرۋازلار يۈگۈرۈپ بېرىپ شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن كۆپ ئادەمنىڭ قېنى تۆكۈلەرمىكىن، شۇڭلاشقا ئالدى بىلەن ئەلچى كىرگۈزۈپ كۆرۈلسە، ئەگەر ئۇلار ماقۇل بولمىسا، ئاندىن سېپىلغا يۈگۈرۈپ چىقىپ شەھەرنى ئالغىلى بولۇۋېرىدۇ“ دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. ئاتالىق غازى بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئابدۇلخالىق ئىشاننى ئەلچى قىلىپ، خوجالار ۋە تۇڭگانلارغا كىرگۈزدى. بۇ كۈنى جۈمە ئىدى. شۇڭلاشقا ئالىي پەرماندا ”بۈگۈن جۈمە نامىزىغىچە سۈلھى شەرتلىرىنى ئۆزلىرىگە لازىم تۇتۇپ، بىزنىڭ نۇسرەت بىشارەتلىك قوشۇنلارنىڭ مۇبارەك بارگاھلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىڭلار، ئۆزلىرى ۋە مال-جانلىرى، تەئەللۇق تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامانلىغىغا كېپىللىك قىلىمىز، ئەگەر قارشىلىق قىلىپ شەرتكە كۆنمىسىلە، چوڭ-كىچىك ۋە ياش نارىسىدىلەر ئات ئاياقلىرىدا ھالاكەتكە ئۇچراپ، تالان-تاراج ۋە بالايى-ئاپەتلەرگە دۇچار بولۇپ، ئولجا-ئەسىر بولغۇسىدۇر-ۋەسسالام“ دەپ يېزىلغان ئىدى.

خوجا ۋە تۇڭگانلار بۇ شەرتكە كۆنمەسلىككە چارە تاپالماي، بارلىق تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىللە ئاتالىق غازى گۇمانى پەلەككەنىڭ بارگاھىغا كېلىشكە مەجبۇر بولدى ۋە شاھانە مەرھەمەت، پادىشاھانە ئىلتىپاتلارغا ئېرىشتى. توپ، زەمبىرەك، قورال-ياراق قاتارلىق پادىشاھلىق ئىشلىرىغا كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئالىي دۆلەتخانا ۋە غەزىنى ئامارىتىگە تاپشۇردى. ئاتالىق غازى ئىسھاق خوجام بىلەن يانمۇ-يان يېقىن ئولتۇرۇپ، نۇرغۇن گەپلىرىنى سۆزلىشىپ، دوستانىلىق قائىدىلىرىنى تۈزۈپ، ئاشنىدارچىلىق يىپىنى چىڭىتىپ، ئۇنى قاتتىق قەسەم-شەرتلەر ۋە ئەھدى كېپىللىك بىلەن مۇستەھكەملەپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەرنى بەجا كەلتۈردى. مۇناسىپ كىيىم-تونلارنى ياپتى، ئۆزى مىنىدىغان چوڭ ئارغىماق ئاتنى بارلىق ئېگەر-توقۇم ۋە جابدۇقلىرى بىلەن مەرھەمەت قىلىپ، ئۆز قۇلى بىلەن ئاتقا يۆلەپ مىندۈرۈپ، كۇچار تەرەپكە يولغا سالدى. قالغان ئەسكەرلىرىگىمۇ ئۆز لايىغىدا تون-كېچەك، خەجلەيدىغان تىللا، ئوزۇق-تۈلۈك، ئات-ئۇلاقلارنى بېرىپ يولغا سالدى. تۇڭگانى تايىپىلىرىگىمۇ كۆپ شەپقەتلەرنى كۆرسىتىپ، ھەممىسىنى ئۆزىگە ئىتائەتمەن ۋە پەرمانبەردار قىلىپ، بىر قانچىسىنى كاشغەرگە ئەۋەتىپ مادالويەگە تاپشۇردى. قالغانلىرىنىڭ گۇنالىرىغا ئەپۇ قەلەمنى سۈرۈپ كېچىرىم قىلدى. ياركەنتنى مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇلغا تاپشۇرۇپ، ئونىڭغا مەمىلىكەتنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىدىغان يۇقىرى ئورۇن بەردى. نىياز ئىشكىيى بېگىنى شاغاۋۇلغا شاغاۋۇل قىلىپ تەيىنلىدى. كېپەك لاۋەرنى باتۇر بېشى، غازى زىيائىدىن داموللامنى قازى كالان قىلىپ ئالاھىدە يارلىق ۋە مەنسەپنامە بەردى. يۇرتقا تىنچلىق ئورناتتى. بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ بەختى دۆلىتىدىن خۇرسەن ۋە خوشال بولۇپ، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچىنچى يىلى رەبىيۇلئاخىرنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى (مىلادى 1866 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى — ت) يەنى قوي يىلى دار سەلتىنەت كاشغەرگە قايتتى.

4

جانابى بەدۆلەت ئاتالىق غازىنىڭ خوتەن ئۇرۇشىغا ماڭغىنى ۋە ھېلە-تەدبىرلىرى، ھاجى پادىشاھنىڭ قۇياش ئاپتىۋى پېتىپ تامامەن يوق بولۇشى، مەقسەتتىكى ئاھۇ كىيىكنىڭ خوتەن زېمىنىدا جىلۋە قىلىشى ۋە مەھبۇبىنىڭ مۇرات قۇچىغىدا گىرەلىشىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

مۇۋاپىق رەۋىش دوستلار، ساداقەتلىك ئەرباپلارنىڭ ئايدىڭ كۆڭۈللىرىگە يېتىپ رۇشەن ۋە مۇئەييەن بولغايىكى، شۇنداق نەقلى-ھېكايە ۋە قىسسە-ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، پادىشاھدەك بەختلىك، زاماندىن تەجرىبە تاپقان ۋە مادارى پەلەككە يەتكەن مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازى ياركەنت ئۇرۇشىنى ئاياقلاشتۇرۇپ، كاشغەر دار سەلتىنەتىگە قايتىپ، ئادالەتلىك ئىشلىرىنى ئېچىپ، جەۋرى-زۇلۇم بابىنى ئاياقلاشتۇرۇپ، پۇقرالىق تۈزۈملىرىنى ئورناتتى. يۇرت ياخشىلىرى ۋە چوقلىرى، بەلكى ئامما-خاسلىرىنىڭ دىل ئۇچار قۇشلىرىنى ئىنئام-ئېھسان دان-يېمەكلىرى بىلەن ئۆزىگە تارتىپ، كىيىك ئوۋلاشقا تاشلاپ، ئۆزىنى دۈشمەن رىقابەتلىرىدىن ئامان ساقلىدى. مازارى ماشايىخلاردىكى ئەۋلىيالارنىڭ روھىغا خەتمە قۇرئان قىلدۇرۇپ خەيرى ساخاۋەت تىلەپ، دۇئا ۋە پاتىھەلەرنى ئادا قىلىپ، داشقازانلارغا ئۆز قۇلى بىلەن ئوت قالاپ ۋە سۇ قويۇپ، ئاجىز-بىچارىلەرگە نەزىر، خەيرى-سەدىقىلەرنى بېرىپ، ھەممە ئادەمنى شادى-خۇرام ۋە پاراۋان قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتالىق غازىنىڭ دۆلەتلىرىگە بىئىختىيار لەۋلىرىنى كۆتۈرۈپ، دۇئا قىلىشقا مەشغۇل بولدى.

بۇ چاغدا، ئاتالىق غازىنىڭ يۇرتلارنى كېڭەيتىش ھەۋەسلىرى ۋە مەمىلىكەت ئېلىش داغدۇغىسى كۈندىن-كۈنگە ئۇلغىيىپ، ئونىڭ خىيالىغا مەھكەم يېپىشتى. بولۇپمۇ گۈزەل خوتەننى بوي سۇندۇرۇش مۇددىئاسى ئۇنى بىئارام ۋە بىقارار قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، خوتەن پۇقرالىرى ھاجى پادىشاھقا ناھايىتى قاتتىق ئىخلاس ۋە ئەقىدە قىلاتتى. يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەممە چوڭ-كىچىكلەر ئۆز ئىختىيارى بىلەن پادىشاھقا لەشكەر بولۇپ جانپىدا ئىدى. ئاتالىق غازى بۇنى ناھايىتى ئوبدان مۆلچەرلەپ، ئەركانلىرىغا ”ئەگەر پادىشاھنىڭ پۇقراغا ئىشەنچىسى ۋە پۇقرانىڭ پادىشاھقا ئىتتىپاقى مۇۋاپىق بولسا، ئانداق شەھەرگە بىر يېگانەنىڭ قول سېلىپ بوي سۇندۇرۇپ، مۇرات باغچىلىرىدىن مەقسەت غۇنچىلىرىنى ئۈزگەنلىكى ھېچقانداق زاماندا ياكى بىرەر تارىخ كىتابىدا كۆرۈلمىگەن ۋە سۆزلەنمىگەن. مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر جايدا دۆلەتمۇ بار. دۆلەت بار يەردە ئەلۋەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەييار دۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر ئادەم بىر تەرەپكە كېتىپ بارغان ئىكەن. يەنە بىر ئادەم يولدا ئۇچراپ نېگە بارىسىز ۋە نەدىن كەلدىڭىز ۋە ئېتىڭىز كىم دەپ سوراپتۇ. ئۇ مېنىڭ ئېتىم دۆلەت، قايسى مەمىلىكەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، مەن شۇ جايغا بارىمەن ۋە قايسى مەمىلىكەتتىن مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئىتتىپاق كۆتۈرۈلسە، مەنمۇ ئۇ يەردىن ئۆزەمنى باشقا تەرەپكە ئالىمەن دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. دېمەكچىمەنكى، خوتەندە مۇۋەپپەقىيەت ۋە بىرلىك بار. ئۇ جاينى زورمۇ-زور زەمبىرەك، تەيپو ۋە قىلىچ، گۈرزۈ بىلەن بوي سۇندۇرۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس. لېكىن ھاجى پادىشاھنىڭ يېشى يەتمىشكە يەتتى، ئەقىل-پىكرى بولسا ئاجىزلىق تەرەپتىن يول تاپتى، ئۆمۈر ئاپتىۋى غەربتىكى قايتىش مەھەللىگە يېقىنلاشتى“ دەپ، ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمەي، تەپەككۇر بېشىنى خىيال تىزىغا قويۇپ، چوڭقۇر خىيال بىلەن ۋەزىيەتنى ھېسابقا تىزىپ، ئىمتىھان كۆزى بىلەن قاراپ، بىرەر تەدبىر قىلسام، بۇ ئۈمىت تەدبىرىم ئاللا تەقدىرىگە مۇۋاپىق چۈشۈپ قالسا، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈش ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس دەپ ئويلىدى. ھېلە-مىكىر تەدبىرىگە قەدەم قويۇپ، مەككارلىق توزاغلىرىنى يېيىپ، يالغانچىلىق ئۇرۇق دانىلىرىنى چېچىپ، نەيرەڭچىلىك ھۈنەرلىرىنى ئويىنىتىپ، دەۋرنىڭ ئۆزۈن ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىپ، پىكىر-خىياللىرى چەكسىز دەرياغا غەرق بولدى ۋە بۇ دەرياغا چۆمگەن تەپەككۈرى ئىچىدە مۇرات-مەقسەت گۈلىنىڭ تەشەۋۋۇر جىلۋىسىنى كۆردى. شۇ ئاندا ئۇ بېشىنى ئۈستۈن كۆتۈرۈپ، نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلىرىغا نەزەر سالدى-دە ”راسىلىنىپ تەييار بولۇڭلار، مازارى شېرىپ زىيارىتىگە بارىمىز“ دەپ ئالىي پەرمان قىلدى. چوڭ تۇغلار بىلەن تۆت نەپەر ئەمىرى لەشكەر، قىرىق پەنسەت، سەرجاڭ، لاۋۇر، توپچى قاتارلىقلار بولۇپ ئون بەش مىڭ ئەسكەر، سەرۋاز، جانۋازلار بىلەن ئاتلىنىپ، بۇزۇرۇك خان تۆرەمنى ھەمرا قىلىپ، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچىنچى يىلى (قوي يىلى) ماھى بارات ئېيىنىڭ سەكسىزىنچى كۈنى (مىلادى 1866 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) ياركەنتكە يېتىپ كەلدى.

ئاتالىق غازى ياركەنتتە بىر ھەپتە تۇرۇپ، يىگىت، سەرۋازلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇلارغا تون-كېچەك، خەجلەيدىغان تىللا، ئات ۋە قورال-ياراقلارنى بېرىپ تەييارلاندى. جۈملىدىن، بۇزۇرۇك خان تۆرەمنىڭ نامىدا ھاجى پادىشاھغا خەت يازدى. بۇ خەتتە ”كاشغەر زېمىنىغا كەلگىلى ئۇزۇن بولدى. بۇ مەمىلىكەتلەردىكى مازارى ماشايىخلارنىڭ زىيارىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلدىم. ئەمما ئارزۇ-ھەۋىسىم شۇكى، بابام ئىمام جەپىر سادىق ھەزرەتلىرىنىڭ مازارلىرىنى بىر زىيارەت قىلىپ يانسام دېگەن مۇددىئا ۋە غەرىزىم بار ئىدى. ئەگەر ھاجى پادىشاھ ئاغام يول بېرىپ، ئىزىن-ئىجازەت قىلسا، بۇ مازارى ماشايىخنى زىيارەت قىلغاچ، ھاجى پادىشاھ ئاغام بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ يانسام دېگەن تەلەپىمنى مۇبارەك قۇلاقلىرىغا ئىزھار قىلىپ، ئەرز ئىخلاسىمنى مەلۇم قىلىپ مەكتۇپ يازدىم-ۋەسسالام“ دەپ يېزىلغان ئىدى. ئاتالىق غازى ھېلە-مىكىر بىلەن يېزىلغان بۇ خەتنى بۇزۇرۇك خان تۆرەمنىڭ ئۇلۇغ مۆھۈرى بىلەن مۆھۈرلەپ، ئىشەنچلىك خىزمەتچىسىنى ئەۋەتتى. كېيىندىن ئۆزىمۇ يولغا چىقىپ، ياركەنت زېمىنىنىڭ ئاخىرى ۋە خوتەن زېمىنىنىڭ باشلىنىدىغان بىر يېرىگە ئۆز چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكتى.

ھاجى پادىشاھ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ، ئوغلى نېمەتۇللا خاننى قونالغۇغا لازىملىق سوغا-سالاملار بىلەن ئالدىغا چىقاردى، ئاتالىق غازىمۇ بۇلاردىن خەۋەر تېپىپ ئالدىغا كىشى ئەۋەتىپ، ئىززەت-ئىكراملار بىلەن باشلاپ كېلىپ، ياخشى زىياپەتلەرنى قىلدى. ئاندىن كېيىن، ئالتۇن سەللە، تەئۇللا تون، ھەممىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنگەن قورال-جابدۇق، ئېگەر-توقۇم ۋە باشقا جابدۇقلىرى تامامەن ئالتۇن، كۈمۈش بىلەن بىزەلگەن ئارغىماق ئات قاتارلىق-لارنى ئىنئام-ئېھسان قىلىپ تارتۇقلىدى، يىگىت، مەھرەملىرىگىمۇ تون-كېچەك، خەجلەيدىغان تىللا قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىپ ”ئەلھەمدۇلىللا بۇ يەرگە كەلدىم. پادىشا زادەمنىڭ جاھان ئارا جامالىنى كۆرۈپ، كۆزۈمنى رۇشەن ۋە نۇرلۇق قىلىپ مۇراتىمغا يەتتىم. ئەمدى ھاجى پادىشا دادامنى بىر كۆرمەككە مۇيەسسەر بولامدېكىن دېگەن ئارزۇ-ھەۋىسىنى قىلىمەن. بۇ كەمىنە كەمبەغەل خىزمەتكارلىرى پادىشا ئاتامنىڭ ئوردا ھۇزۇرىغا بېرىشقا مۇيەسسەر بولسام ۋە پادىشا ئاتامنىڭ ئاياقلىرىنى، تۇغلىرىنى ساقىلىم بىلەن سۈپۈرسەم دەيمەن، ئەگەر بۇ نادان غۇلامنى ئۆزىنىڭ كەمەتەرىن غۇلام-چاكارلىرى قاتارىدا كۆرۈپ، مۇبارەك نەزەرلىرى بىلەن مەرھەمەت قىلىپ، يارلىقنامە ۋە ئالى نىشاننامە بىلەن مېھرىۋانلىق كۆرسەتسىلا، بۇ قارا تۇپراق ئۈستىدىكى خار ۋە بىتئارسىز بېشىمنى ئاسمانى قۇتۇپتىكى فەرقەدان (شىمالى قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ يېنىدىكى ئىككى يورۇق يۇلتۇزنىڭ ئورتاق نامى — ت) يۇلتۇزلىرى بىلەن تەڭ قىلغاندەك بولاتتىم. بۇ كەمىنىنىڭ ساددا كۆڭلىدە ئەنە شۇ ھەۋەسلىرىدىن باشقا يەنە ھېچقانداق مۇددىئا ۋە مەقسەت يوق. ئەگەر پادىشا دادام شەپقەتلىك قەدەملىرىنى ئاياپ بۇ يەرگە كېلىشنى خالىمىسا، مەن ئۆزەم بېرىپ، پادىشا دادامنىڭ ئۇلۇغ ئاستانىلىرىگە يۈزۈمنى سۈرتۈپ، خىزمەتكارچىلىغىمنى جان-دىلىم بىلەن مەلۇم قىلىپ، ئونىڭ ئاپتاپ دۆلەتلىرى نۇرىنىڭ بىر قەترە شۇلىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئونىڭ جاھان ئارا جامالى بىلەن كۆزۈمنى رۇشەن قىلىشتىن باشقىغا تاقەت ئىلاجىم زادى قالمىدى“ دېگەندەك خۇشامەت گەپلەر، پىتنە سۆزلەر ۋە نەيرەڭ تەدبىرلەر بىلەن پادىشا زادىنىڭ كۆڭلىنى ئىتائەتمەن بۆركۈتتەك ئوۋغا سالدى ۋە ھاجى پادىشاھنىڭ دىل-قەلبىنى بولسا قارارسىز ئاشىقلاردەك بىئارام قىلدى. شۇنداقلا پادىشا زادىگە ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەرنى قوشۇپ، سېھرىگەرلەردەك بىرنەچچە ئېغىز پىتنە-ئەپسون سۆزنى قۇلاققا ئاسقان مۇنچاقتەك بىر-بىرىلەپ تىزىپ بېكىتىپ، بىر پارچە پۇختا خىشنى ”كالىمى شېرىق“دەك قىلىپ ياساپ، ئونى نەچچە قەۋەت تەئۇللا، تاۋار، ئەتلىسىلەر بىلەن ئوراپ، لىپاپىدەك قىلىپ تەييارلاپ، ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئەمىرى لەشكەرگە بەردى ۋە ئونىڭغا ”مېنىڭ ئۈچۈن ھاجى دادامنىڭ خىزمىتىگە بېرىپ، ئەقىدە ۋە ئىخلاسىمنى ئونىڭ ئۇلۇغ قۇلاقلىرىغا بىر-بىرىلەپ مەلۇم قىلىڭ. ئەگەر ئىشەنمىسە ئوشبۇ قۇرئانى كالىمى مۇبىننىڭ ئۈچۈن ئېغىز كۆتۈرۈپ قاتتىق ئەھدى-پەيمان ۋە ئانت-قەسەملەرنى قىلىپ، سۆز تېكىستىنى مۇستەھكەملەپ، كاپالەتلىك قىلىپ، ھاجى دادامنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ باشلاپ چىقىڭ. قالغان ئەرز ئىخلاسىمنى بولسا بۇ پادىشا زادەم مەن كەمىنە قۇللىرىغا ۋاكالىتەن ئەرز ئەيلەيدۇ“ دەپ يولغا سالدى.

نېمەتۇللا خان پادىشا زادە بىلەن ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەر ھاجى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ كېلىپ كۆرۈشتى. زىياپەتلەر ئاياقلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر ئەمىرى لەشكەر ئاتالىق غازىنىڭ دېگەنلىرىنى ئەسلى پەرماندىكىدەك، ھەتتا ئونىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ ھاجى پادىشاھنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا مەلۇم قىلىپ، ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ قووۇشتۇرۇپ، پادىشاھنىڭ مۇلازىملىرى قاتارىدا ئىتائەتمەن بولۇپ پەگادا تىك تۇردى. لېكىن، سۈت بىلەن سۇ ئارىلاشسا ئاجراتقىلى بولمىغاندەك، ھاجى پادىشا بۇ سۆزنىڭ راست ياكى يالغانلىغىنى پەرق قىلىپ ئايرىيالماي، ھاڭ-تاڭ بولۇپ ئوغلىدىن سورىدى. ئوغلى پادىشا زادە بولسا بۇ پەلەكنىڭ ئىقلىمىنىڭ ھېلىگەرلىگىنى كۆرمىگەن، زامانە تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى تېتىمىغان ۋە توشقان ئۇيقۇسى غەپلىتىدىن تېخىچە ئويغانمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا، مەزكۇر ئەمىرى لەشكەر ھاجى پادىشاھنىڭ ئاتالىق غازى ئالدىغا چىقىشىنى ئوبدان دەپ بىر مەرتىۋە تەرغىپ قىلسا، مەزكۇر ياش نادان شاھزادە بۇ ئىشنى ھەر خىل تەرىپ ۋە سۈپەتلەر بىلەن مىڭ مەرتىۋە تەرغىپ قىلدى، نەتىجىدە، ھاجى پادىشاھنىڭ نۇرلۇق پىكرى ئاتالىق غازىنىڭ ئالدىغا بېرىشقا قارار تاپتى.

ئەگەر خۇداۋەندە ئالىمىيان ئۆز بەندىلىرىنىڭ يۈزىگە دۆلەت ئىشىكلىرىنى ئاچماقنى ئىرادە ۋە تەقدىر قىلسا، ئۇ ھەر خىل باھانە ۋە سەۋەپلەر بىلەن ئونىڭغا دۆلەت ۋە ئىززەت بېغىشلايدىكەن. دېمەك، قۇشبېگىنىڭ تەدبىرى بۇ تەقدىرى سۇبھانەگە مۇۋاپىق چۈشتى. ھېلە-ئەپسۇنلىرىنىڭ ئەسىراتى نەتىجە بېغىشلىدى. ھاجى پادىشاھغا بولسا دۆلەت ئىشىگى ئېتىلدى، زۇلمەت دېڭىزى ئېچىلدى ۋە ئەقلىي كۆزى يېپىلدى. پادىشازادە بىلەن ئەمىرى لەشكەر ئىككىسى گۇياكى تەقدىر قازاسىنىڭ قۇدرەتلىك ئىككى ھايداقچىسىدەك ھاجى پادىشاھنى جاھالەت-زۇلمەتكە ۋە ھالاكەت تەرەپكە ھەيدىدى. شۇنداق قىلىپ، ھاجى پادىشا ئۆز ئايىغى بىلەن ئاچ شىر ۋە ئۈنسىز ئارسلانغا دۇچار بولدى. بىراق، ھاجى پادىشا چۈشۈم بۇزۇلغان ئىدى، غايىپ ئۆز پەردىسىدىن يەنە قانداق ئىشلارنى كۆرسىتەر دەپ ئېھتىيات قىلىپ، بىر مىڭ مەھرەم، يىگىت، ياساۋۇلنى ئېلىپ، مەقسەت تەرەپكە راۋان بولدى ۋە يېتىپ كېلىپ چېدىر-بارگاھلارغا كۆزى چۈشتى. قۇشبېگىمۇ يىراقتىن كۆرۈپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھاجى پادىشاھنىڭ ئۆزەڭگىسىگە يۈز-كۆزىنى سۈرتۈپ، ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىغا ئېلىپ، بەزىدە چۇلۋۇرنى بوينىغا سېلىپ، تۆت پەنسەت تۆت تەرەپتىن يۈگۈرۈپ، بارگاھ ئالدىغا كەلگەندە ئېگىز كۆتۈرۈپ چۈشۈرۈپ، قولتۇقلىرىدىن يۆلەپ بارگاھقا ئېلىپ كىرىپ ھەدىس شېرىپتە ”كىمكى بىر ھاجىنى ياكى غازاتچىنى قۇچاقلاپ بوينىغا قول سېلىپ كۆرۈشسە، مىڭ پەيغەمبەرنى قۇچاقلاپ كۆرۈشكەندەك بولىدۇ“ دېگەن پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزى بويىچە، ”ئۆزلىرىنىڭ بويۇنلىرىغا قول سېلىپ كۆرۈشۈشكە مۇمكىن بولارمىكىن“ دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ تىك قاراپ تۇردى. ھاجى پادىشاھمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قۇچاقلىدى. قۇشبېگى ھاجى پادىشاھنىڭ بوينىغا قول سالغانچە كۆتۈرۈپ يەنە بىر ئۆيگە ئېلىپ كىردى. بۇ ئۆيگە ئادەم تەييارلاپ قويغان ئىكەن. ئۇلار ھاجى پادىشاھنى تۇتتى-دە، يىقىتتى، باغلاپ ئىگىن-ئاياقلىرىنى سالدۇرۇپ ئالدى. ئاندىن كېيىن ئونىڭ نېمە بولغانلىغىنى ھېچكىم كۆرمىدى ۋە بىلمىدى. ئىست! ئىست! ئادەم جىنسى ۋە ئىنسان گۇرۇھىنىڭ ھېلە-مىكىرلىك تەدبىرلىرىنى ئەنە شۇنىڭدىن كۆرۈپ تاماشا قىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە. نەزم:

ئىنسان ئەگەر ئاچسا تەلپىسگە* ئېغىز،

بىچارە بولۇر ئىبلىس لەئىن* بې تەڭىز*.

بۇ چاغدا ھاجى پادىشاھغا قاراشلىق يىگىت، مەھرەملەر ئىتائەت بىلەن ئاتلىرىدىن چۈشمەي، ھاجى پادىشاھنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆمەر كۈتۈپ قاراپ تۇرغان ئىدى. ئاتالىق غازى قۇشبېگى دەرھال ھاجى پادىشاھنىڭ نامىدىن ”مەن ئوكام قۇشبېگى بىلەن بىر كېچە مۇڭدىشىپ بىللە قونۇپ، ئەتىلىككە يول باشلاپ شەھەرگە كىرىمەن. سىلەر خاتىرجەم بولۇپ شەھەرگە قايتىپ، ھەر بىرىڭلار ئۆز ئىشىڭلارنى قىلىپ تۇرۇڭلار، ئەتىلىككە نېمەتۇللا خان ئالدىمىزغا چىقسۇن“ دېگەن بىر پارچە خەت چىقاردى. جۈملىدىن، ئىشقا يارايدىغان ۋە بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان يىگىرمە-ئوتتۇز نامدار باتۇرنىڭ نامىنى تىزىپ، ”ئەتىلىككە بىللە ئالغاچ چىقىڭ“ دەپ نېمەتۇللا خانغىمۇ خەت يېزىپ، ھاجى پادىشاھنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپ بىللە چىقاردى. ئەسكەرلەر بۇ خەتنى كۆرۈپ، ئەمدى شۇملۇق كەتتى، ئۇلۇغ سائادەت يۈزلەندى، مۇشتىرى (مارس — ت) يۇلتۇزى بىلەن ناھىد (ۋېنىرا — زۆھرە — ت) يۇلتۇزى بىر بۇرۇجدا تەگداش بولدى دەپ خوشال بولۇپ، ئاتلىرىدىن چۈشمەيلا شەھەرگە قاراپ چاپتى.

ئەتىسى ئەتىگەندە ئاتالىق غازى شەھەرگە قاراپ ئاتلاندى، ئىككى پوتەي مىقدارى يەرگە بارغاندا پادىشازادە نېمەتۇللا خان ئىشقا يارايدىغان يىگىرمە ئوتتۇزچە چوڭ ئەمىرانى ھەمرا قىلىپ ئەمدى دۆلەت ئىگىسى ئاتالىق غازىغا ئۇچراشتى. ئاتالىق غازى ئۇلار بىلەن ناھايىتى ياخشى كۆرۈشۈپ ”ھاجى پادىشا دادام كېيىنىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ، سىلە بېرىپ بىللە كېلىسىلە“ دەپ يولغا سالدى. بىراق، ئونىڭ ئادەملىرىنى بىر بىرىسىگە قوشماي چېدىر-بارگاھلارغا ئېلىپ كىرىپ يوق قىلدى ۋە ھاجى پادىشاھنىڭ غەزىنىبايىلىغىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئەزىز بەگ جاللاتنى يىگىتلىرى بىلەن چاپاۋۇل قىلىپ ماڭدۇردى. بۇ شەھەرگە كىرىپ ھاجى پادىشاھنىڭ بالىلىرىنى بىر تەرەپكە ھەيدەپ چىقىرىپ تۇردى ۋە غەزىنىلىرىگە ئىگە بولدى. جانابى ئالى بەدۆلەت ئىقبالى سەلتىنەت بىلەن كېيىندىن يېتىپ بېرىپ، چېدىر-بارگاھلىرىنى شەھەرنىڭ ئالدىغا تىكتى. ئاندىن ئەمىرى لەشكەر، سەرجاڭ لاۋۇر، ياساۋۇللىرىنى بىر بىرىنىڭ قول قۇيرۇق قىلىپ شەھەرگە بۇيرۇپ، ھاجى پادىشاھنىڭ مۇلازىملىرىنى ھەيدەپ كېلىپ، بەزىلىرىنى تىغ سىياسىتىدىن ئۆتكۈزدى ۋە بەزىلىرىنى نەزەربەنت قىلدى.

بۇ چاغدا، ھاجى پادىشاھنىڭ خوتۇن، بالىلىرى، ئەسكەر ۋە پۇقرالىرى بىر بىرىگە قاراپ ”ھاجى پادىشاھىم كەلەمدۇ؟ نەدە قاپتۇ؟ نېمە ئۈچۈن شەھەرگە كىرمىگەندۇر؟ بۇ قىپچاق ئەنجانلىقلار شەھەرنى بېسىۋالدى، نېمە ھادىسە ۋە نېمە ۋەقەلەر بولغاندۇر؟“ دەپ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمەي، ھەيران ۋە سەرگەردان بولۇپ، ھاڭ قېتىپ، دىڭ تۇرۇپ قالدى. بۇنىڭغىچە ئىككى كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن كېيىنلا ئۇلار ۋەقەنىڭ قانداقلىغىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئون مىڭ ۋە ئون بەش مىڭ ئادەم قورال-ياراق، چوماق-كالتەكلەرنى كۆتۈرۈپ، شەھەرنىڭ ھەر تەرەپ-تەرەپلىرىدىن كېلىپ، ”ھاجى پادىشاھىم قېنى؟“، ”پادىشا زادىمىز قېنى؟“ دەپ، قۇشبېگىنىڭ كوچا-بازارلاردا ئۇچرىغانلا يىگىت، سەرۋازلىرىنى ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈپ، قوغلاپ، ھەر خىل قاتتىق گەپلەرنى قىلدى. ھەتتا قەلەم بىلەن يازغىلى بولمايدىغان ھاقارەت ۋە دەشنەملەرنى قىلدى. ھەرقانچە نەسىھەت، تەرغىباتلارنى قىلسىمۇ ئاڭلىمىدى. قۇشبېگىنىڭ ئادەملىرى بۇ ئالامانلارنىڭ ھاقارەتلىرىگە چىداشقا تاقىتى نائىلاج بولدى. دەل مۇشۇنداق چاغدا، ھاجى پادىشاھنىڭ بىر مۇنچە ئادىمى كالتەك چوماقلىرىنى كۆتۈرۈپ بارگاھقا چاپتى. شۇ ئاندا ئاتالىق غازىدىن ”ئۇرۇڭلار، ئۆلتۈرۈڭلار“ دېگەن ئالىي يارلىق كەلدى. لېكىن بىرىنى ئۆلتۈرسە ئۇنى ۋە ئونىنى ئۆلتۈرسە يەنە ئوتتۇزى كېلىپ ”غۇلى نېمە دەيتۇ بۇ“ (بۇلار نېمە دەيدۇ — ت) دەپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئۆلۈكلىرىنى دەسسەپ ئۆتۈپ بارگاھقا يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئاتالىق غازىمۇ چىداپ تۇرالماي ئاتقا مىنىپ قىرغىن قىلىشقا يارلىق قىلدى. ھەممە ئەسكەرلەر قىرغىنغا چىقىپ، چاپ-چاپ قىلىپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىت، مۈشۈك، چاشقانلىرىغىچە بولغان جانلىقلىرىنى ئۆلتۈرۈپ جانسىز قىلدى. ئەتىسى ئون مىڭدىن ئارتۇق چوماقچى ئالامانلار چوماق-تاياقلىرىنى كۆتۈرۈپ، بىر دىن تۇلۇمغا ئوزۇق تالقانلىرىنى سېلىپ، ئاغزىنى بوغۇپ مەھكەم قىلىپ، گەدەنىلىرىگە ئېسىپ قارا كالتەك بولۇپ قارا قاشتىن كەلدى. ئاتالىق غازى بۇلارنىمۇ قىرغىن قىلىپ، ئىلگىرى ئۆلۈمگە ماڭغانلارغا قوشتى. ئاندىن كېيىن چىرەلىكلەر قىل قۇيرۇق بولۇپ، چوماق، ئوزۇقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ، كۆيۈپ تۇرغان ئوت ئاتەشكىگە خۇددى پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئاتتى. لېكىن، بۇلارمۇ ھالاكەت مەنزىلىدىن ئورۇن ئالدى.

بۇ چاغدا خوتەن تەۋەسىدە ئالتە شەھەر بار ئىدى. ھەرقايسى شەھەرنىڭ ئادەملىرى بەش مىڭ ياكى ئون مىڭدىن بولۇپ، بىر بىرىدىن خەۋەرسىز خوتەنگە ئۇلاشتى. ئاتالىق غازى بۇلارنىمۇ بىر بىرىگە قوشماي، كەتمەكلىرىنىڭ كەينىدىن كەلمەي سېپىلغا يولغا سېلىپ ۋىدالاشتى. خوتەن خەلقى ”غۇلى نېمە دەيتۇ بۇ“ دەپ بىر ئىشنى ئويلاپ ئاسانلىقچە ئورنىدىن قوپمايدىكەن. ئەگەر ئورنىدىن تۇرسا، بۇ ئىشىنى تەرەپ قىلماي قويمايدىكەن. دېمەك، بۇ قېتىم ئورنىدىن قوپماي تىنچ تۇرغانلىرى سالامەت ۋە ئامان قالدى، بۇ ئىشنى ئويلاپ ئورنىدىن قوپقانلىرى بولسا شەھەرگە كېلىپ ”پادىشاھىمىزنى، پادىشاھىم، ئاھ پادىشاھىم“ دەپ زار-زار يىغلاپ ”پادىشاھىمىزدىن ئايرىلىپ تىرىك قالغىنىمىزدىن ئۆلگىنىمىز مىڭ مەرتىۋە ياخشىراق“ دەپ ئۆزىنى ئۆزى ھالاكەتكە تاشلىدى. چۈنكى، خوتەن ئەھلى جان ساقلايمەن دەپ ھالاكەتتىن قاچمايدىكەن ۋە قېچىشنىمۇ لازىم كۆرۈپ راۋا تاپمايدىكەن. ئۇلارنىڭ كامالى جاھىللىغىنى ئەنە شۇ مەجەزىدىن ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ.

قۇشبېگىنىڭ يىگىت، سەرۋازلىرى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن چارچىدى، قوللىرى قاپاردى ۋە بۇنى ئاتالىق غازىغا ئەرز قىلدى. ئاتالىق غازى بازارغا كەلگەن خوتەنلىك قاسساپ ۋە غەيرى خوتەنلىك مۇساپىر قاسساپلارنى نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلىرى بىلەن بىللە تۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە پەرمان بەردى. بۇلار خەندەكلەرنىڭ لېۋىدە تۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكلەرنى خەندەككە ۋە چوڭقۇر يەرلەرگە تاشلىدى. خەندەك ۋە باشقا چوڭقۇرلۇقلار جەسەت بىلەن لىق-لىق تولدى. دەۋازىلارغا ئەمىرى لەشكەر ۋە پەنسەتلەر، سەرۋازلارنى قويۇپ، تۇتۇلغانلارنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ سەرۋازلارغا تاپشۇردى. بۇلار ئۇلارنى بىر بىرىدىن يېتىلەپ، ئۆلتۈرىدىغان يەرگە ئېلىپ ماڭدى. بارغىچە ”بىر نەرسەڭ بولسا ماڭا بەرگىن، ئۆلتۈرمەي قويۇپ بېرەي“ دېسە، بەزىلىرى بۇنى ماقۇل كۆرمەي، ئۆلۈمنى لايىق ۋە سازاۋەر كۆرۈپ ئۆلۈپ كەتتى، بەزىلىرى يۈز تەڭگىدىن ئەللىك بىر تەڭگىگىچە پۇل بېرىپ، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ، جېنىنى جايلاپ، يۇرت-ۋەتىنىگە قايتتى. بەزىلىرى قولۇمدا ھازىر پۇل يوق ئىدى، تېپىپ بېرەي ياكى ئەكىلىپ بېرەي، دېسە، نېسىيە قىلىپ قويۇپ بەردى. ئاتالىق غازىنىڭ ئادەملىرى تۆت ياكى بەش تاشقىچە يەرلەرگە ھەتتا تېخىمۇ يىراققا بېرىپ، تالان-تاراج قىلىپ ياندى. شۇنداق قىلىپ، بەش كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ كەتتى، ئۆلۈم بازىرى ناھايىتى قىزىپ كەتتى. پۇقرا-خالايىق خاراپ ۋە ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى. پەقەت شۇنىڭدىن كېيىنلا جانابى ئاتالىق غازى پەرمان بېرىپ قىرغىنچىلىقنى توختاتتى. تارىخ كىتابلىرىدا ”بىر تۈمەن ئادەم ھالاكەتكە يەتكەن بولسا، بىر مۇردى قولىنى ئۈستۈن كۆتىرىدۇ، ئىككى تۈمەن ئادەم ھالاكەتكە يەتسە، ئىككى ئۆلۈك قولنى كۆتىرىدۇ، ئەگەر ئون تۈمەن ئادەم ھالاك بولسا، بىر ئۆلۈك ئۆرە تۇرىدۇ“ دەپ يېزىلغان. بۇ چاغدا خوتەندە بەش ئۆلۈك قولىنى كۆتۈرگەن ئىكەن، بۇنىڭغا قارىغاندا ئەللىك مىڭ ئادەم ھالاك بولغانلىغى مەلۇم. بەختى ئويغاق، دۆلىتى يار ۋە پەلەك ھەيۋەتلىك مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازى ئەنە شۇنداق تەدبىر ۋە ھېلە-مىكىرلىرىنى قىلمىغان بولسا ئىدى، ئۇ خوتەننى قولغا كىرگۈزۈشكە مۇيەسسەر بولالمايتتى. چۈنكى، پۇقرا-خالايىقنىڭ ھاجى پادىشاھغا بولغان ئەقىدە-ئىخلاسلىرى، ھەتتا ئەڭ يۇقىرى تەشەۋۋۇر چېكىدىنمۇ ئاشقان ئىدى.

سۆزنىڭ ھاسىلى، ئاتالىق غازى بۇ قېتىمقى ئومۇمى قىرغىنچىلىقتىن بىكار بولۇپ، ھاجى پادىشاھنىڭ غەزىنىبايىلىغىنى تىزىمغا ئېلىپ، ئالىي دۆلەتخانىغا تاپشۇردى. ئونىڭ قورال-ياراقلىرى ناھايىتى مۇكەممەل ۋە تولۇق ئىكەن. كۈمۈش، تىللا ۋە پۇلدىن باشقا يەنە ئون ئالتە قاپتەك چوڭ قازانغا ساپ ئالتۇن توپلۇغان ئىكەن. بۇنىڭدىن يىگىتلەرگىچە تۈزۈك بىر نەرسە بەھرىمەن بولمىغان. ئىسراپ بولدۇ دەپ ئۆزى ۋە ئەھلى ئاياللىرىغىمۇ بۇ ئالتۇندىن سەرپ قىلمىغان ئىكەن. ئوتتۇز ئاي پادىشاھلىق قىلغان مەزگىل ئىچىدە، ھەتتا ئۆز ئاشخانىسىغىمۇ ئابائى ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان زېمىنلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلەتكەن ئىكەن. كىيىم-كېچەكلىرىگىمۇ شۇنى سەرپ قىلىدىكەن. شەرىئەت بويىچە يۇرتتىن كەلگەن نەرسىلەر ۋە خىتايلار ياكى بەگلەردىن ئولجا چۈشكەن مال-دۇنيانىڭ ھەممىسىنى ئۆز پېتى بويىچە دەپتەرگە ئېلىپ، زايا قىلماي غەزىنىدە ساقلىغان ئىكەن. جانابى بەدۆلەت ئاللىرى بۇنى كۆرۈپ بىلگەندىن كېيىن ”مەن بۇرۇن دادام دەپ يۈرگەن ئىدىم. بۇ راستىنلا مېنىڭ دادام ئىكەن“ دەپ تەھسىنلەر قىلىپ ئاپىرىنلەر ئوقۇدى. ھاجى پادىشا بولسا بۇرۇن ئۆتكەن سۇلتانلارنىڭ قائىدە-يوللىرىنى، بولۇپمۇ ئۆمەيىيە خەلىپىلىگىنىڭ (174) خەلىپىسى ئۆمەر بىننى ئابدۇلئەزىز خەلىپە ھەزرەتلىرىنىڭ (ئاللا ئونىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلغاي!) (175) يول ۋە رەۋىشىنى تۇتقان ئىكەن. بولۇپمۇ ئونىڭ جازا يەلپۈگۈچلىرى چوڭ ماۋۇتتىن، نوقتا ۋە بوينىدىكى پۆپۈكلىرى مەشۇت-يىپەكتىن ئىشلەنگەن، بۇ پۆپۈكلىرىگە قاتار-قاتار جېرىس-قوڭغۇراقلارنى ئېسىپ بېزىگەن تۆت چوڭ نار تۆگىسى بار ئىدى. بۇ زاماندا ھېچقانداق جايدا تۆگىلەرنى بۇنچىلىك بىزەپ ياسىمىغان ئىكەن. بۇ نار تۆگىلەر بارلىق تاماچىلارنىڭ ئەقلىنى ھەيران، كۆزلىرىنى خىرە قىلىپ قاماقتۇرغان ئىكەن. تۆگىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئاتالىق غازىنىڭ قولىغا چۈشتى. ئاتالىق غازى ھاجى پادىشاھنىڭ غەزىنىبايىلىغى، قورال-ياراقلىرى، ئەسۋاپ-سايمانلىرىنى بۇ تۆگىلەرگە يۈكلەپ كاشغەر دار سەلتىنەتىگە ئېلىپ ماڭدى. نەزم:

شاھقا ئەگەر بولسىلەر دۆلەت بەختى يار،

بولۇر پەتھى نۇسرەت شاھلارغا دۇچار.

ئاتالىق غازى ئەمىرى لەشكەر، پەنسەت، ئەمىرالىرى باشلىق ھەممە يىگىت، سەرۋازلىرىغا ئىنئام-ئېھسانلارنى يېتەرلىكچە بېرىپ، مەمنۇن قىلىپ ھاجىتىدىن چىقاردى. ئاندىن خوتەندىكى شەھىدان ئىماملارنىڭ مازارلىرىغا قوي، كالا، گۈرۈچ، پۇل، تون ئەۋەتىپ، بۇ جايلارغا ئىشەنچلىك مۇلازىملارنى تەيىنلەپ، غېرىپ-بىچارىلەرگە كېرى نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، خەتمە قۇرئان قىلدۇرۇپ ساۋابىنى ئېلىپ، ماشايىخلارنىڭ روھىغا ئاتاپ بىچارە دۇئاگۈيلارغا تون-كىيىم، پۇل-تىللا سەدىقە قىلىپ، دۇئاسىنى ئېلىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، ياركەنتلىك نىياز ئىشكىيى بەگنى خوتەنگە ھاكىم ۋە مۇستەقىل سۈيۈرغال قىلىپ، مەمىلىكەت ئىشلىرىنى ئۆزى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىش، مۇھىم ئىشلارنى ئۆزى خالىغانچە ھەل قىلىش، ئەمەلدارلارنى ئىختىيارىي تىكلەش ۋە ئورنىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ھوقۇقلارنى ئۆتكۈزدى. يەنە خوتەندىكى ئالتە شەھەرنىڭ قىرىق كۆڭلۈك تەۋەسىگىچە بولغان جايلارنى، يارلىق بويىچە، ئونىڭ باشقۇرۇشىغا قوشۇپ بېرىپ، ئورنىنى كۆتەردى.

ئاتالىق غازىنىڭ نىياز ئىشكىيى بەگكە مۇنچىلىك ئالاھىدە مەرھەمەت ۋە مېھرىۋانلىق قىلىشىدا بىر مۇنچە سەۋەپلەر بار ئىدى، ئونىڭ بىرىسى، جانابى ئاتالىق غازى ئىلگىرى نىياز بەگنىڭ ئىلتىماسى بويىچە ياركەنتكە كەلگەن ئىدى ۋە ھامىدىن تۆرە بىلەن ئۇرۇشۇپ، باراۋەرلىك قىلالماي قاچقان چاغدا، نىياز بەگ كەينىدىن يېتىپ بېرىپ، ئىككى تاش يولغىچە ئۆزەڭگىداش بىللە مېڭىپ، ئۆزرە-خالىق ئېيتىپ تەسەللى بېرىپ، نۇرغۇن سۆز ۋە مەسلىھەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇڭداشقان ئىدى، شۇ چاغدا قۇشبېگى بۇنى كاشغەرگە بىللە ئېلىپ كەتمەكچى بولغان ئىدى. لېكىن ئۇ ئېتىنى سۇغارغان بولۇپ ئارقىغا يېنىپ، ئېتىغا بىر قامچا ئۇرۇپ، تېزلىك بىلەن ياركەنت تەرەپكە قېچىپ، ئۆزىنى بىر دالدىغا ئالدى، بۇ چاغدا قۇشبېگى ئونىڭ كەينىدىن ناھايىتى زور ئاپىرىن ئوقۇپ ”ناھايىتى ھۇشيار ئادەم ئىكەن، بىزنىڭ يۈز-خاتىرىمىز ۋە رايىمىزنى قىلىپ مۇرۇۋۋەتپەرۋەرلىك بىلەن بۇ يەرگىچە كەلدى-دە، ياركەنتتىكى بالا-چاقىلىرىدىن ئەندىشە قىلىپ ياندى، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم ئىكەن“ دەپ كۆڭلىدە ئونىڭغا ماقۇل بولدى. يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ياركەنتتىكى ئىسھاق خوجام تۇڭگانلار بىلەن بىللە توققۇز مىڭ چىرىك چىقىرىپ كېچىلىك ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا، نىياز بەگ مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ ”بۇ كېچە نۇرغۇن چىرىك چىقىدۇ. تەدبىر ۋە مەسلىھەتتە بولغايلا، بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ“ دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. سەگەك ۋە توخۇدەك زېرەك قۇشبېگى بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ، ئامالىنى قىلىپ مەقسىتىگە يەتكەن ئىدى. بۇ ۋەقەلەر ئاۋالقى داستاندا زىكىر قىلىندى. يەنە بىرى، نىياز بەگ بىلەن ئاتالىق غازى ئۇسۇل-تەدبىردە، ئىش-كەسىپتە ۋە ھېلىگەرلىكتە ھەمساۋاق ئىدى. ئۇلار بىر ھەرىپلىك، ئوخشاش قاپىيىلىك، ھەتتا يۇلتۇزلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر بۇرۇجدا كۆرۈنگەن، بەخت-تەلەيلىرى باراۋەرلىكتە بىر خاندىن ئورۇن ئالغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئاتالىق غازى ئونىڭغا خوتەندەك ئالتە شەھەرنى قىرىق كۆڭلۈك تەۋەسى بىلەن قوشۇپ، پۈتۈنلەي مەرھەمەت قىلدى. ئۇ بىرەر قېتىممۇ خوتەننىڭ زىيان-زەخمەتلىرى قانداق بولغاندۇر دەپ ئاغزىغا ئالمىدى، ھەتتا ئويلاپمۇ قويمىدى. نىياز بەگ بولسا ھەرقانداق ئىشنى ئۆزى خالىغانچە قىلالايتتى. لېكىن ئونىڭ ئاتالىق غازىغا بولغان نىيىتى زادىلا راست ئەمەس ئىدى. ئاخىرى ئاتالىق غازىنىڭ قۇتۇلماس ۋەقەگە دۇچار بولۇشىغا دەل مۇشۇ نىيىتى يامان نىياز بەگ سەۋەپ بولدى، بۇ ۋەقە ئىنشائاللا كېيىن زىكىر تاپقۇسىدۇر.

شۇنداق قىلىپ، ئاتالىق غازى نىيىتى بۇزۇق نىياز بەگكە خوتەننى ئۆتۈنۈپ تاپشۇردى. خالمۇھەممەت پەنسەتنى ئەمىرى لەشكەر، ھاجى تۇراپنى قازى ئەسكەر قىلىپ، يارلىق-مەنسۇر بىلەن مېھرىۋانلىق قىلدى، لېكىن ئۆزۈن ئۆتمەي يەنە ئەمىرى لەشكەرنى بوشاتتى ۋە قازى ئەسكەرنىمۇ بوشىتىپ، ئونى جەۋرى-ئەلەم ۋە زەھەرلىك قىيىن-قىستاقلار بىلەن ئازابلىدى، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچىنچى يىلى ماھى شەۋۋال ئېيىنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنى (مىلادى 1867 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى — ت) ئاتالىق غازى دۆلەت ئەركانى ھۆكۈمرانلىرى بىلەن دارىسەلتىنەتكە ياندى. تۆت مەنزىل قالغاندا ئەزىز بەگ جاللاتنى تۇتۇپ يوق قىلدى. چۈنكى، ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن خوتەن شەھىرىگە كىرىپ، ھاجى پادىشاھنىڭ غەزىنىسىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا قويۇلغان ئىدى، لېكىن، ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەققىدىن ئىككى يۈز يامبۇغا خىيانەت قىلغان ئىكەن، گۇناسىنى بوينىغا ئارتتى. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاتالىق غازىغا نىيىتىنى بۇزۇپ، بۇزۇرۇك خان تۆرەمگە يېقىنلىق قىلغان ئىكەن. بۇ ۋەقە يۇقىرىدا بايان قىلىندى. بۇنى ”جاللات“ دەپ ئاتاشتىكى سەۋەپ شۇكى، ۋەلىخان تۆرەم ئىلگىرى كاشغەرگە كەلگەندە، ئونىڭغا جاللات بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىكەن. ئەسلىدە بولسا يېڭى ھىسارلىق ئادەم ئىكەن. بۇ ئۆز بەگەن يەرگە نىيىتىنى بۇزۇپ خىيانەت قىلدى-دە، جازاسىنى تاپتى. ھەرقانداق ئادەم بۇ ئالەم زىرائەتگاھىغا ياخشىلىق ياكى يامانلىق ئۇرۇغىنى چاچسا، ئۇ ھامان بۇ بىباقى ئالەمدە ئونىڭ ھوسۇلىنى كۆرمەي، لەززىتىنى تېتىماي تۇرۇپ، ئۇ ئاخىرەت ئالىمىگە كەتمەيدۇ. ئىلاھىم ئۆز ئۇلۇغلۇغى بىلەن ھەممە بەندىلىرىگىنى راست يولغا باشلاپ، ئەگرى-توقاي يوللاردىن ساقلاپ، ئادىللىق ۋە راستلىق دەرىجە-مەرتىۋىسى بىلەن ھەممىنى ئۆز ئادالەت سايىسىدە ساقلىغايسەن-ئامىن!

5

ھاجى پادىشا يەنى موللا ھەبىبۇللا خاننىڭ ياخشى پەزىلەتلىرى، سەلتىنەت-دۆلەت ھۆكۈمرانلىغى ئەھۋاللىرىنىڭ قىسقىچە بايانى

ئۇلپەتداش يارەنلەر، ھەمسۆھبەت بۇرادەرلەرنىڭ قىممەتلىك زېھىنلىرىدىن يوشۇرۇن ۋە بىخاتىر قالمىغايىكى، قىسسە ۋە ھېكايىلەرگە قارىغاندا، ھاجى پادىشا ئەڭ بۇرۇن مۇپتى ئىكەن ۋە ئاتابوۋىلىرىدىن تارتىپ خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇلۇغ شەرىئەت خىزمەتلىرىدە ئەمەلدار بولۇپ، شەرىئەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇلۇغ شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى جارى ۋە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ ناھايىتى پەتۋاچى، دىندار ۋە پەرھىز ئىشلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۆز ئۆمرىدە تاھارەتسىز يەرگە قەدەم قويمىغان، مەيلى بىر يەردە تۇرسۇن ياكى سەپەردە بولسۇن، ناماز تەھەججۈدنى (كېچىسى ئوقۇيدىغان ناماز — ت) تەرك قىلمىغان، يېرىم كېچىدىن كېيىن كۆزى ئۇيقۇغا بارمايدىغان ئادەم ئىدى، ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان زېمىننىڭ بىر پارچىسىغا ئۆزى ئىشلەپ كەتمەن چېپىپ، قوشنى ئۆزى ھەيدەپ، ئومنى ئۆزى ئۇرۇپ، ئۆز قۇلى بىلەن ئىشلەپ، پېشانىسىدىن تەر تۆكۈپ، بىر پارچە نان بولسىمۇ ھالال يەيمەن دەپ ھەرىكەت قىلاتتى. يەردىن چىققان ھوسۇلنى ئۆزى يەپ، ئۆزى ئىچىپ، ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقاتتى. ئەمەلدار بەگلەر ۋە ئاخۇنلار، ھەتتا ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئۆيىگە بارسا، ئۇلارنىڭ ئاش، چايلىرىنى، نان-توقاچلىرىنى يېمەيدىكەن ۋە ئىچمەيدىكەن، بىر ئادىمىگە چايجۇشتا چاي كۆتەرتىپ، بارغان جايدا ئۆز چېيىنى ئىچىپ، دۇئا قىلىپ يانىدىكەن.

بىر زاماندا مۇپتى ھەبىبۇللاخان بىر ئىش بىلەن ئاقسۇغا كېلىپ، بەگ، ئاخۇنلارنىڭ ئۆيىگە پەتىگە بېرىپتۇ ۋە بۇ جايلاردا ئۆزى چايجۇشتا ئېلىپ بارغان چېيىنى ئىچىپ، دۇئا قىلىپ يېنىپتۇ. بۇ چاغدا ئاقسۇدا ئىشانجان ھەزرىتىمگە خەلىپە بولۇپ، سەججادە نىشىنلىكتە (تەرىقەتچىلىكنىڭ سەجىدىسىگە باشلامچىلىق قىلىدىغان — ت) تۇرغان ھادى خەلىپەم دېگەن ئاقسۇلىق بىر پېشۋا تەرىقەت ئۇستازى بار ئىكەن، مۇپتى بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئونىڭ چېيىنى ئىچمەي، ئۆز چېيىنى ئىچىپ يېنىپتۇ. بەزىلەر ”ھادى خەلىپەممۇ دىندار، پەرھىزگار ئادەم تۇرسا، نېمە سەۋەپتىن ئونىڭ چېيىنى ئىچمىدىلە“ دەپ سورىسا، ئۇ ”ھەقىقەتەن دىندار ۋە ئىقتىدارلىق ئادەم ئىكەن، لېكىن، ئۆزى ئەمگەك قىلىپ، پېشانىسىدىن تەر ئاققۇزۇپ ھوسۇل ئېلىپ يېمەيدىكەن، نەزىر ياكى ئۆشرە-زاكات دەپ بەرگەن نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئاشخانىسىغا سەرپ قىلىدىغان، كىشىنىڭ نەزىرىگە كۆز تىققان ئادەم ئەلۋەتتە تامادىن خالى ئەمەستۇر، ئونىڭ ئۈستىگە ئۆزىمۇ زاكات بېرىشكە تېگىشلىك ئادەم ئىكەن، زاكات بېرىشكە تېگىشلىك ئادەمنىڭ زاكات يېگەنلىگى شەرىئەتتە ھالال ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئونىڭ چېيىنى ئىچمەي، ئۆز چېيىمنى ئىچىپ ياندىم“ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ھەممە ئادەم ماختاپ، ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. لېكىن، بۇ زات ئۆز پېشانە تەرلىرىگە ئاققۇزۇپ، ئۆشرە-زاكاتنى شەرىئەتكە مۇۋاپىق ئادا قىلىدىغان دېھقان ئەشرەپلىرىنىڭ ئۆيىگە بارسا، ئۇلارنىڭ ئاش-تائام، نان-توقاچلىرىنى توختىماي يەيدىكەن.

مۇپتى ھەبىبۇللاخان مۇپتىلىق ئەمىلىدىن بىكار بولۇپ، ھەرەمەيىن شېرىپكە زىيارەتكە باردى ۋە مەككە مۇكەررەمە بىلەن مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەئىكى ھەرەمدە يەتتە يىل مىقدارى ئىستىقامەت قىلىپ، مۇجاۋۇرلۇق دەرىجىسىگە ئېرىشىپ، مەككە مۇئەززەمە ۋە مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەنىڭ دۆلەتلىرىنى ھاسىل قىلدى، مۇرات-مەقسەتلىرىگە يېتىپ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى. دەل مۇشۇ كۈنلەردە، كۇچار خوجىلىرى ئىسلام ئېچىپ، جامىدا بولغان جەڭدە خاقانى ئەھلىگە باراۋەرلىك قىلالماي جېنىنى جايلاپ قاچقان كۈنلەردە، خوتەن ھاكىمى ئەلشىر ھاكىم بەگ مەرھۇمنىڭ ئوغلى ئۆمەر غەزىچى بايغا ھاكىم ئىدى. بۇ چاغدا، ئۆمەر غەزىچى ئاقسۇ تەۋەسىدە ئۈچ-تۆت كۈن مەخپىي تۇرۇپ، ۋەقەنى كۆزىتىپ خوتەنگە باردى. خوتەن ئامبانى بۇ جايدىكى ۋەقەلەرنىڭ ماھىيىتىنى سوراپ خەۋەردار بولۇپ تۇرغاندا، خوتەن ئەھلىمۇ كۇچار ۋەقەسىدىن خەۋەردار بولۇپ، داغدۇغا بىلەن ئىسلام ئېچىپ، خىتايلارنى يوق قىلماقچى بولۇپتۇ. يۇرت پۇقرالىرى كىمنى باشلىق قىلىمىز دەپ مەسلىھەت قىلىشىپ، ئاخىرى مەسلىھەتلىرى مۇپتى ھەبىبۇللاخان ھاجىغا توختاپتۇ. ھەممىسى بىر ئىتتىپاق ۋە بىر نىيەت بىلەن بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ قائىدە-رەسمىيەتلىرى بويىچە ھاجى ھەبىبۇللاخاننى ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىگە پادىشا قىلىپتۇ، ئاندىن كاپىرلارغا قول سېلىپ، مەيلى خىتاي ياكى تۇڭگانى بولسۇن — ھەممىسىنى يەر بىلەن يەكسان ۋە قىرغىن قىلىپتۇ. ھەتتا نارىسىدە بالىلىرىغىچە ئۆلتۈرۈپ، تەختى سەلتىنەتكە چىقىپ ھۆكۈمرانلىغىنى جارى قىلىپ، پۇقراپەرۋەرلىك مەئىشەتلىرىدە مول سەۋەپلىرىنى قىلغان ئىكەن.

دەل مۇشۇ كۈنلەردە، كۇچارلىق نەزىرىدىن شەيخ خوجا ياركەنتتىن ھاجى غەزىچى بەگ دېگەننى باش قىلىپ، مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانلاردىن ئۈچ مىڭ ئەسكەرنى ھاجى پادىشا ئۈستىگە ئەۋەتىپ، نامۇلايىم ئەسكى سۆزلەرنى تىزىپ خەت ئەۋەتتى. بۇ ئەھۋال ھاجى پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر كېلىپ، ئوغلى ئابدۇراخمان سۇدۇرنى باش قىلىپ، بىر مۇنچە ئەسكەر بىلەن ئالدىغا ئەۋەتتى. ئارىدا جەڭ-قاتاللار يۈز بېرىپ، كۇچار لەشكەرلىرى شىكەست يەپ كەينىگە قاچتى ۋە كۆپ ئادىمىدىن ئايرىلدى. سۇدۇرخانغا ئوق تېگىپ ئالەمدىن كەتتى. گەرچە بۇ ئەھۋال يۈز بەرسىمۇ، ھاجى ھەبىبۇللا خان يەنىلا كامالى ئىنساب بىلەن ”بىزنىڭ ئىسلامى شېرىپ ۋە ئەزىزەمى دۆلەتكە مۇيەسسەر بولۇشىمىزغا يەنىلا كۇچارلىق خوجاملار سەۋەپ بولدى. مۇبادا بۇلار ئىسلام ئاچمىغان بولسا، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئىشلارنى قىلىشقا ھەددىمىز يوق ئىدى. يەنە بىرى شۇكى، ئۇلار خاقانى چىنىنىڭ بىر سۆزلۈك ۋە بىر قوللۇق ئوبدان ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ، يامان ئادەملىرى، يەنى تۇڭگانلار بىلەن شېرىك ۋە ئىتتىپاق بولۇپ يۇرت سوراپتۇ. بۇ ۋەجىدىن ئۇلارغا ئىتائەت ۋە ئىتائەت قىلمىغان ئىدىم دېگەن بىر مۇنچە ماقۇل سۆزنى خەتكە يېزىپ، كۆڭلىدە مايىل بولۇپ، ئەھمەت مۇراپ بېگىنى باش قىلىپ، لايىق سوغا-سالاملارنى راسلاپ، ئۆزىنىڭ ئىتائەت قىلىپ، يارلىغىغا بوي سۇنىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ، راشىدىن خان خوجامغا ئەلچىلىككە كىشىلىك ئەلچى ئەۋەتتى. لېكىن، خان خوجام بۇلارنى قوبۇل قىلمىدى. بۇ ۋەقە ئاۋالقى داستاندا زىكىر قىلىندى.

بۇ ۋەقەدىن ئىلگىرى، مۇپتى ھەبىبۇللاخان قوقەند دار سەلتىنەتىدىن مەدەت ۋە ياردەم تىلەپ، بەلكى ئىتائەتلىرىگە كىرمەك بولۇپ، ئوغلى ئابدۇراخمان خاننى ئەۋەتكەن ئىدى. پادىشا ئونىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرنەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ، زىياپەت بېرىپ مېھمان قىلىپ، ئونىڭغا سۈيۈرلۈق مەنسىۋىنى بېرىپ، ئات، ياراق، تون-كېچەكلەرنى بېرىپ ئۇزاتتى. ئادەملىرىگىمۇ تون-كېچەك، تەڭگە-تىللا قاتارلىقلارنى ئاتا ئەيلەپ مېھرىۋانچىلىق كۆرسەتتى. ھاجى پادىشاھغىمۇ ئۆز لايىغىدا تون-كېچەك، كۇلا، قورال-ياراق قاتارلىق سوغات تەۋەررۈكلەرنى ئەۋەتتى. نار مۇھەممەت پەرۋانچىنى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، ئىككى يۈز يىگىتنى ۋە مىرزا بابا بەگ ھىسارىنى مىرزا بېشى قىلىپ، ئەللىك يىگىت مۇكەممەللەر بىلەن سۇدۇرخانغا قوشتى. بۇلار كاشغەرگە كەلگەن، مۇھەممەت ياقۇپ بەگ قۇشبېگى ھامىدىن تۆرە بىلەن ياركەنتتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىكەن. بۇلار قۇشبېگى بىلەن ياركەنتتە كۆرۈشتى. قۇشبېگى نار مۇھەممەت پەرۋانچىنى يىگىتلىرى بىلەن ۋە مىرزا بابا بەگنىڭ يىگىتلىرىنى يېنىدا قالدۇرۇپ، مىرزا بابا بەگنى پەقەت ئىككىلا ئادىمى بىلەن سۇدۇرخانغا قوشۇپ، يارلىق ۋە قورال-ياراق قاتارلىق سوغا-سالاملار بىلەن خوتەنگە ماڭدۇردى. ھاجى پادىشا مىرزا بابا بەگكە مۇناسىپ جاي-ماكان تەيىنلەپ، ھەر كۈنلۈكىگە تەمىنات توختىتىپ، ئىززەت-ئىكراملىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئوبدان يېيىندۈرۈپ، ئۆزىگە ئۈلپەتداش ۋە سۆھبەتداش قىلدى.

ھاجى پادىشا قەدىمقى خىتاي شەھىرىنى ”ئەسكەر خانا“ دەپ ئاتاپ، كاتتا بىنا سالدۇردى، مەسچىت، جامە ۋە خانىقا بىنا قىلدۇردى. خوتەن ئەھلىنىڭ شەھەر ۋە سەھرايىدىكى چوڭ-كىچىك ئەر-خوتۇنلارغا شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن تەلىم بېرىپ، شەرىئەت قائىدىلىرىنى جارى قىلدى. ئون ئادەمگە بىر خەلىپەت بېكىتىپ، مۇسۇلمانچىلىق بويىچە سۇبھان ئاللانىڭ بىرلىك سۈپىتى ۋە يول-تەرىقىلىرىنى، توقسان توققۇز پەرز ناماز، روزا، ئۆشرە زاكات، ھەج، ئىلمى ھەيىز (ئاياللاردىن ئادەت كېلىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم — ت)، ئىلمى نىپاس (تۇغۇتقا ئائىت ئىشلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم — ت) قاتارلىق زۆرۈر مەسىلىلەردىن ھەممە كىشىگە تەلىم بېرىپ، يادى ئالدۇرۇپ ئوقۇتۇپ، ياماندىن ساقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەممە ئەر-خوتۇن خۇددى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش ساۋاق ئېلىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ئۆگىنىپ تەكرارلايتتى. ھەر جۈمە كۈنى چوڭ مەسچىتكە ئۆزىنى جۇدا كۆتۈرتۈپ باراتتى. نامازغا تۇرغاندا ئونىڭ كېيىنى-يانلىرىدا ئالتىدىن ئون ئىككى ئادەم چوڭ قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ، خۇددى ھازىرلا بىر ئادەمنى چاپىدىغان قىياپەتتە بولۇپ، ئونىڭغا يېقىن ئۆرە تۇراتتى. نامازدا رۇكۇ-سەجدە قىلماس ئىدى. بەلكى ئىما-ئىشارەت بىلەن ئوقۇسا كېرەك. چۈنكى، نامازغا كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بىرەر دۈشمەننىڭ قەستىلەپ، زىيان-زەخمەتكە يەتكۈزۈشىدىن ئېھتىيات قىلسا كېرەك. مۇشۇنداق ئېھتىيات قىلىدىغان بىر پادىشا قازا ۋە تەقدىر يەتكەندە، ياقۇپ بەگ غازىنىڭ بارگاھىغا ئۆز پۇتى بىلەن قەدەم دەسسەپ بېرىپ، نېمە بالايى ئاپەتلەرگە دۇچار بولمىدى ۋە ۋەقە يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى. ھاجى پادىشا خوتەننى گۇيا مىسىر دەپ بىلدى. ئىككى رەكەت جۈمەنى ئوقۇدى-دە، ئېھتىيات ئۈچۈن نامازنىڭ پېشىن ۋە سۈننەتلىرىنى ئوقۇتمىدى.

ھاجى پادىشا يەنە خوتەندە بىر مىسقاللىق شەرئى ئاق تەڭگە سوقتۇردى، ئونىڭ بىر يۈزىگە ”لائىلاھە ئىللەللا، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا“ (ئاللادىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەت بولسا ئونىڭ ئەلچىسىدۇر — ت) دەپ، يەنە بىر يۈزىگە ”زەربى خوتەن لەتىپ“ (گۈزەل خوتەندە سوقتۇرۇلدى — ت) دېگەن خەتلەرنى ئويدۇردى. ئۆزىنىڭ مۆھۈرىگە ”ھۇۋەلھەبىبۇللەزى تۇرجا شىفائەتەھۇ“ (پەيغەمبەر بولسا ئاللانىڭ ھەبىب — دوستى، ئونىڭدىن شاپائەت ئۈمىت قىلىندۇ — ت) دېگەن سۆزنى نەقىش قىلدۇرۇپ ئويدۇرغان ئىدى. ھاجى پادىشا ھەبىبۇللاخان ئەگەر ئوغرى، قىمارۋازلارنى تاپسا، ھايال قىلماي دەرھال ئۆلتۈرەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر ئادەم سەھرادا ئېتىزلىقتىن بىر كەتمەن ئوغرىلىغان ئىكەن، ئىقرار قىلغاندىن كېيىن بىر چوڭ تويىنى يەرگە كۆمۈپ، ئاغزىنى ئۈستۈن قىلىپ، دورا سېلىپ پۇختا بېكىتىپ، مەزكۇر ئوغرىنى تويىنىڭ ئاغزىغا ئولتۇرغۇزۇپ، دورىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپتۇ. دورا ئوغرىنىڭ بەدىنىنى تۆت پارچە قىلىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈپتۇ-دە، خالايىقنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولۇپ، يەنە يەرگە چۈشۈپتۇ، بۇ ئىشنى شۇ كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن قىلغان ئىكەن. توپ-توپ بولۇپ تۇرغان خالايىق بۇنى كۆرۈپ، يۈرەكلىرى ئورنىدىن قوزغىلىپ، لەرزىگە كېلىپ تىترەپتۇ. يەنە بىر ئادەم سەھرادا قوناقلىقتىن ئالتە باش چۆرۈش قوناقنى ئۈزۈپ ئالغان ئىكەن، ئونى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، سوراق قىلىپ، ئىقرار قىلدۇرۇپ دارغا ئاسقان ئىكەن. ئومۇمەن، سەللا گۇنا ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ خۇنىنى تۆكۈپ ئىبرەت قىلاتتى. ئونىڭ قەھرى سىياسىتى ناھايىتى چېكىگە يەتكەن ئىدى. ھاجى پادىشا ناھايىتى قېرى ئادەم بولۇپ، ئاغزىدا چىشى قالمىغان ئىدى. ئەگەر ئۇ لېۋىنى چىشلىسە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ۋۇجۇت خامىنى كۆككە سورۇلاتتى. سەھرالاردا دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئادەملەر كەتمەن، ئوغاقلىرى ۋە باشقا ئەسۋاپلىرىنى دېھقانچىلىق قىلىدىغان قىشلاقلاردا تاشلاپ، ئۆزلىرى ئۆيىگە كېلىپ قونۇپ، ئەتىسى بېرىپ ئىشنى قىلسۇن، ئىشىك، دەۋازا ۋە دۇكانلىرىنى ئوچۇق قويۇپ ياتسۇن دەپ يارلىق قىلىپ، قەھرى سىياسىتىنى ئەۋجىگە چىقاردى. ئەگەر تەپسىلى بايان قىلىنسا، ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا مالاللىق بولغۇسىدۇر.

خوتەن ئەھلىگە ھادىسىلەر يۈز كەلتۈرۈشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، ھاجى پادىشاھنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ ئەندىشە قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سالامدىن كېيىن، ئۆلىمالار، مۆتىۋەرلەر، پازىللار ۋە مۇئەببىرلىرىنى (چۈش ئورۇگۈچىلەرنى — ت) ھازىرلاپ، كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلىپ، ”مەن ئۇيقۇدا، خوتەن ئەھلىنىڭ تەنىلىرى بار، باشلىرى يوق چۈش كۆرۈپتىمەن. بۇ چۈشنىڭ تەبىرى نېمە؟“ دەپ سوراپتۇ. ھەممە كىشى ھەيران بولۇپ، تەپەككۇر قىلىپ، بىر نەرسە ئېيتالماي تۇرغاندا، ھاجى پادىشاھنىڭ ئۆزى ”بۇ چۈشنىڭ تەبىرى بەلكى خوتەن ئەتراپىدىكى بارلىق مۇسلىك ۋە مۇئمىنسىز دەرەخلەرنى ئادەم بويى مىقدارى قىلىپ كېسىپ باش ياسالسۇن دېگەنلىك بولسا كېرەك“ دەپ تەبىر بەردى. ھەممە ئۆلىما ۋە پازىللار تەھسىن ۋە ئاپىرىن ئوقۇدى. شۇڭلاشقا، خوتەن تەۋەسىدىكى ھەممە مېۋىلىك ۋە مېۋىسىز دەرەخلەرنى ئادەم بويى مىقدارىدا قويۇپ، باشتەك قىلىپ كېسىلگەن ئىكەن. بۇنداق تەبىر ۋە تەدبىرلەر تەقدىرى سۇبھان ئاللاغا مۇۋاپىق چۈشمىدى. ئاقىۋەت ھاجى پادىشاھنىڭ بېشىغا ۋە پۇقرالارنىڭ كاللىسىغا تەقدىردىن قازا ۋە ھادىسىلەر يۈز بەردى، بۇ ئەھۋال يۇقىرىدا قىسقىغىنا بايان قىلىندى.

ھاجى پادىشا گەرچە ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ، بولۇپمۇ ئۆزى دەۋرۈشلىكنى كەسىپ قىلىپ، دىندار دېگەن ئاتاق بىلەن، ھەممىگە پېشۋا ۋە يولباشچى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇرتدارلىق ئىشلىرى ۋە سىپاھەلىكنىڭ نازۇك ئىلمىي ھېكمەتلىرىدىن بىخەۋەر ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، دەۋرۈشلۈك بىلەن سىپاھەلىك بىر بىرىگە ماسلاشمايتتى. ئەگەر ئۇ بۇرۇندىنلا بىرەر ئالى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، سىپاھەلىك ئىلمىلىرىنى كەسىپ قىلىپ، مەرتىۋىلىك ئورۇن پەيدا قىلىپ، تەجرىبە ھاسىل قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ ئەلۋەتتە بۇ ھادىسىلەردىن ساقلىنىشقا بىرەر چارە ياكى تەدبىر قوللانغان بولاتتى. شۇڭلاشقا، تارىخ كىتابلىرىدا يېزىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇرۇنقىلار ئەزەلدىن بۇيان، ئاتا-بوۋىلىرىدىن بۇيان ئۇلۇغ بولۇپ، ئورۇن-مەرتىۋە بىلەن يۇرتدارلىق ھۆكۈمرانلىغىنى قىلىپ كەلگەن ئادەملەرنى ياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تېپىپ، تەختى سەلتىنەتتە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا ئىتائەت ۋە بەيئەت قىلىپ كەلگەن ئىكەن. بۇلارنىڭ قەدەم شەرەپلىرى بەرىكىتىدىن پۇقرالارغا تىنچلىق ۋە يۇرتقا جامائەت-ئىتتىپاقلىق ھاسىل بولۇپ، دۆلەت ھۆكۈمرانلىغىنىڭ ئۇزۇن ۋە مەڭگۈ بولۇشىغا سەۋەپ بولىدىكەن. ھەتتا زامانىلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزۈن مۇددەت يوقسۇزلۇق كوچىسىغا كىرىپ، يەنە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئۈستىگە چىقىپ، يۇرتدارلىق ئىشىنى ئالى دەرىجىگىمۇ كۆتەرمەي، تۆۋەن دەرىجىگىمۇ چۈشۈرمەي، پەقەت ئوتتۇرا ماقام بىلەنلا تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ چارىسىنى تاپالىسا، پۇقراپەرۋەرلىكنى نەق ئۆزىنىڭ جاي ۋە مەركىزىدە قىلالىغان بولسىلا، ئۇلار يەنىلا ئۆز ئەجدادىنىڭ ئەسلى يولىنى تېپىپ كېتەلەيدىكەن. ھۆكۈمالارنىڭ ”ھەممە مەقام ئۈچۈن بىر ماقال ۋە ھەممە ئەمەل ئۈچۈن بىر ئەركېرەك“ دېگەن سۆزلىرى بۇ تايىپىلىرنىڭ شېنىگە مۇۋاپىق ۋە ماس كېلىدۇ. يەنە ماشايىخلارنىڭ ”ئۆز ئۇۋىسى، قەدىمقى ئۇۋىسى بىلەن“ دېگەن مەسىللىرى بار. كىچىك بالىلارمۇ ئۆز ئويۇنلىرىدا ”ئاتاڭ نېمىچى؟“ دەپ سورىسا، ”ئاتام تۆمۈرچى“ دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ۋە شۇ چاغدا يەنە بىرى ”بېرىپ تۆمۈرچىلىك قىل“ دەيدۇ. ئەگەر ”ئاتام دېھقان“ دېسە، ”دېھقانچىلىق قىل“ دەپ ئوينايدۇ. بۇ گەپلەرمۇ زادى بىكار سۆز ئەمەس. نەزم:

ئاتا قىلماقنى قىلماق لازىم ئېرمىش،

خۇدايىم رىزقىنى ئاندىن ئېبەرمىش.

دېمەك، بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ھەرقانداق ئادەم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كەسىپ-ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە لايىق كۆرۈپ، خۇداۋەندەكېرىم ئاتا قىلىپ بەرگەن نازۇ-نېئمەتلەرىگە شۈكۈر قىلىپ، ئۆز مەرتىۋە ۋە مەقاملىرىدىن زىيادە، ئۆز ئۆلچەملىرىدىن ئارتۇق ئىشلارغا قەدەم قويۇش ياكى كۆچەشكە ئۇرۇنۇشتىن تامامەن ئېھتىيات قىلىشى، ئاللانىڭ پەرز سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشى لازىم. ئەگەر ئۆز دەرىجە ۋە مەرتىۋىسىدىن ئۈستۈن قەدەم قويۇپ، بۇرۇنقى ھالەتلىرىنى ئۇنۇتسا، ئونداق ئادەمگە خۇددى ھاجى پادىشاھنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر كېلىدۇ. نەزم:

ئۆزگە نەي دەپ قارغا كەللىك ماڭمىشىن،

ئۆزگە نەلمەي ئونۇتتى ئۆز ماڭمىشىن.

ھاجى پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن داۋام قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان دەۋرۈشلۈك سۈپەت رەۋىشلىرىنىڭ ئۆزىمۇ، ئونىڭ ئۈچۈن كەمەس دۆلەت ۋە تۈگىمەس راھەت ئىدى. ئۇ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلمىدى-دە، ئۆتكەن ئۆمرى ۋە ئەھۋالاتلىرىغا پۇشايمان قىلدى، ھەتتا ئار-نومۇس قىلدى. لېكىن ئونى ئىزدىشىپ تاپالمىدى، كېيىنكى پادىشاھلىق بولسا بىۋاپا ئىدى. بۇنى ئۆز قامەت ۋە ئۈستىخانلىرىغا لايىق ۋە مۇۋاپىق كۆرۈپ سۆيۈندى ۋە كەمەس دۆلەتكە ئۇلاندىم دەپ مەغرۇرلىنىپ ئالداندى. ئونىڭ ئەھلى ئاياللار، چوڭ-كىچىك، ياش-قېرىلار، قەۋمى-قېرىنداشلار، ھەتتا پۇل، جان باشلار، ئومۇمەن، خوتەن ئالتە شەھەر، قارا قاشلارغىچە بولغان پادىشاھلىغى چوڭ بالايى-ئاپەت، ھۆكۈمرانلىغى ئازاپ ۋە ئەلەم ئاقىۋەت بولدى. ھەممىسىنىڭ جان ۋە ماللىرى، يامان نىيەتلىك قەھرى غەزىپىگە دۇچار بولۇپ، يوق بولۇپ كەتتى. نەزم:

دۆلەت يىلدامىغا يوقتۇر باقا،

ئات، زەن، شەمشەرگە يوقتۇر ۋاپا.

ۋەسسالام.

6

جانابى بەدۆلەت ئاتالىق غازىنىڭ ئاقسۇ، كۇچارنى ئېلىشىنى مەقسەت ۋە نىيەت قىلىپ ئات چاپتۇرغىنى ۋە بىر ھۇجۇمدا نەچچە شەھەرنىڭ پەتھى نامايان ۋە ھۆۋەيدا بولۇپ قولغا كىرىشى، ئونىڭ مۇرات باغچىلىرىدىن غۇنچىلارنى ئۈزۈپ، مەقسەت-مۇددىئالىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز مۇقەررەرگاھىغا قايتىشى، بۇ ئارىلىقتا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق ۋەقەلىرى قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ بايانى

ئەقلى زېرەك دوستلار ۋە سادىق قۇللۇق بۇرادەرلەرنىڭ دىل ئايىنىلىرىغا يېتىپ رۇشەن ۋە ئوچۇق بولغايىكى، شۇنداق رىۋايەت ۋە قىسسە ھېكايىلەرگە قارىغاندا، جانابى بەدۆلەت ئاللىرى خوتەن، ياركەنت، مارالۋېشى، يېڭى ھىسار قاتارلىق جايلارنى ئۆز تەۋەسى بىلەن بوي سۇندۇرۇپ، خوتەننى نىياز ئىشكىيى ئاغا بېگىگە، ياركەنتنى مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇلغا، كاشغەرنى ئالاش بېيىگە، يېڭى ھىسارنى كامىلخان تۆرەمگە، مارالۋېشىنى ھېكىم خان تۆرەمگە بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا ھوقۇقلۇق سۈيۈرغال قىلىپ تەيىنلەپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، يىگىت، سەرۋازلار ھەرىكەت تەردەدۇتى، قورال-ياراق تەييارلاش ئىشلىرى بىلەن بولدى. بۇ خوشال ئىنتىزاملىق چاغلاردا، ئۈچتۇرپاندىن بىر قانچە ئادەم كۇچارلىق خوجاملارنىڭ ئەمىر-ئىتائەتلىرىدىن چىقىپ، ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك بارگاھىغا كىرىپ، ئاقسۇ تەرەپكە ئاتلانماققا تەرغىپ قىلىپ ھەرىكەت باشلىدى. ئاقسۇدىن ئابدۇراخمان دادخۇا، ئابدۇللا دىۋان بېگى قاتارلىقلارنىڭ خەت كېلىپ قىلىپ يازغان ئەرز خەتلىرى ئاتالىق غازىغا يەتتى. كۇچارلىق توختى ئىشىك ئاغا بەگمۇ بۇ شەھەرلەرنى مەن ئېلىپ بېرىمەن دەپ ھۆددە قىلىپ ئەرز تۇتتى. كۇچارلىق خوجاملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك قارشىمۇ-قارشىلىققا يۈزلەندى. بۇنداق شاتلىق خەۋەرلىرى ئاتالىق غازىنىڭ سائادەتلىك قۇلاقلىرىغا يەتتى. ئاقسۇ، كۇچارنى ئىتائەت قىلدۇرۇش ئارزۇ-ئىشتىياقى، ئونىڭ كۆڭۈل ئەينەكلىرىدە باشقىدىن قوزغىلىشقا باشلىدى.

ئەنە شۇنداق ھالەتتە جانابى بەدۆلەت ئاللىرى ئۆزىگە خاس مەھرەم، ياساۋۇل، پەنسەتلەر بولۇپ ئۈچ مىڭ نەپەر باتۇرغان ئېچىلەر، ئەمىرى لەشكەر جامدارغا قاراشلىق ئۈچ مىڭ نەپەر يىگىت، سەرۋاز، جانۋاز داقا-دۇمباقچىلار، ئەلەم، بايراق، كاناي-سۇنايچىلار، توپ، جەزائىل زەمبىرەكچىلەر، ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەرلەرگە تەئەللۇق ئۈچ مىڭ نەپەر مۇكەممەل قوراللانغان يىگىتلەر، ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەرگە تەقسىم قىلىنغان ئۈچ مىڭ نەپەر يۈرەكلىك باتۇرلار، مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىگە مۇقەررەر قىلىنغان ئۈچ مىڭ يىگىت تەييار جەڭگىۋارلارنى تەييارلاپ، شەرەپلىك زامان ۋە گۈزەل دەۋراندا، ئەمىرى لەشكەرلىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ ”مارالۋېشىنىڭ قورغىنى بۇزۇلغىنچە تۇرۇپ قالدى. ھەممە قوشۇن بىلەن بېرىپ، تۈزۈتۈپ يانساق قانداق بولاركىن“ دەپ، ئارىغا مەسلىھەت سالدى. ھەممىسىلا بىر نىيەتتە ”ناھايىتى ياخشى بولىدۇ“ دەپ جان-دىلى بىلەن قوبۇل قىلىپ تەييار بولدى.

تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن تۆتىنچى يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنى (مىلادى 1867 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى — ت) جەۋزا پەسلىنىڭ ئاخىرى، يەنى ماي-ئىيۇن يىلى، ئاتالىق غازى دۆلەت ئىقبال ۋە ئۇلۇغ ھەشەمەت بىلەن ئاتلىنىپ، مارالۋېشىغا كېلىپ چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ، تۆت كۈن تۇردى. بۇ جەرياندا ھېچقانداق پەرمان چۈشمىدى. بەشىنچى كۈنى بولغاندا، ئۇ ئەمىرى لەشكەرلەرگە ”ئاقسۇ، كۇچارغىچە بېرىپ، مازار-ماشايىخلارنى زىيارەت قىلىپ يانساق، نېمە دەيسىزلەر“ دېگەندە، ھەممىسىلا بىرنىيەتتە ”پەرمانپەرۋاردۇرمىز، خىزمەتكارچىلىغىمىزنى جان-دىلىمىز بىلەن كۆرسىتىمىز“ دەپ جاۋاپ بېرىشتى. ئاقىۋەت ئەمىرى لەشكەر مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىنى چاپاۋۇل قىلىپ ئىلگىرى ماڭدۇردى. ھەمدەم باتۇر بېشى، غازى پەنسەتلەرنى پېش جەڭ (ئالدى ھۇجۇمچى — ت) قىلدى. ھەر بىر ئەمىرى لەشكەرگە سەككىزدىن پەنسەت تەيىنلەپ، تۇغ، بايراق ۋە ئەلەملەرنى ئىنئام قىلىپ، ھەر بىر ئەمىرى لەشكەرگە ئىككىدىن ئالتۇن جابدۇقلۇق تۆگە، ئات ۋە ئالتۇن كۈمۈش جابدۇقلۇق تۆگە، ئات مەرھەمەت قىلدى. ھەر بىر پەنسەتكە ئىككىدىن كۈمۈش جابدۇقلۇق ئات سوغا قىلدى، ئەمىرى لەشكەر ۋە پەنسەتلەرنىڭ ئالدىدا مەزكۇر ئالتۇن جابدۇق ۋە كۈمۈش جابدۇقلۇق ئاتلارنى سۆلەت ھەم ھەشەمەت ئۈچۈن يېتىلەپ يۈرەتتى. ھەر بىر ئەمىرى لەشكەرنىڭ داغدۇغىسى گۇيا ئۇلۇغ شاھ-پادىشاھلارغا ئوخشايتتى، ھەر بىر پەنسەتنىڭ داغدۇغىسى بولسا، گۇيا بىر ۋىلايەت ھاكىمىنىڭ ھەشەمەتلىرىگە تەڭ ئىدى. ھەر بىر ئەمىرى لەشكەر ۋە پەنسەتكە تەيىن ۋە مۇقەررەر قىلىنغان قارى مۇرىتىپ، ئىماملار بولسا رەتلىك تىزىلىپ، قولىدا قۇرئان تۇتۇپ ئالدىدا ماڭاتتى.

ئاتالىق غازى ئەنە شۇنداق زۇر سۆلەت-داغدۇغا ۋە ھەشەمەت بىلەن مارالۋېشىدىن ئاتلىنىپ چىلانغا كەلدى. دولانلىق بىر كىشىنى تۇتۇپ ”يولدا خوجالارنىڭ چىرىگى بارمۇ؟“ دەپ سورىسا، ئۇ ”يايدى تەرەپتە ئىككى يۈز چىرىگى بار، سايرىقتا ئەللىك چىرىگى بار“ دەپ مەلۇم قىلدى. ئاتالىق غازى بۇنى ئوقۇپ، يايىدىنىڭ ئاياق تەرىپىدىن كېچىلەپ يۈرۈپ، سەھەردە چىرىكلەر ياتقان جايدىن ئاقسۇ تەرەپكە ئۆتۈپ، بىخەۋەر ياتقان چىرىكلەرنى تۇتۇپ باغلاپ، ئولجا-ئەسىر قىلىپ، مارالۋېشىغا ماڭدۇردى. ئۇلارنىڭ چوقى توختى خەلىپە دېگەننى تىغ سىياسىتىدىن ئۆتكۈزدى. لېكىن، بۇ چىرىكلەرنىڭ بىرى ئات سۇغارغىلى چىققان ئىكەن، بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئاقسۇدىكى جامالىدىن خوجامغا كېلىپ ”سايرىقتىكى چىرىكلەرنى تۇتۇپ قول-ئەسىر قىلدى“ دەپ خەۋەر قىلدى. ئاتالىق غازى دەريا لېۋىگە ئىككى تاش مىقدارى يېقىن كەلگەندە، جامالىدىن خوجام ئوغلى يەھيا خوجامنى باش قىلىپ، ئۈچ مىڭ لەشكەر بىلەن دەريا لېۋىگە چىقاردى ۋە ”كىمىنى تارتىۋېتىپ، ھازىرلىق قىلىپ تۇرۇشۇپ، دەريادىن بۇ تەرەپكە ئۆتكۈزمەڭلەر“ دەپ تەكلىپ مۇبالىغە سۆزلەرنى قىلىپ يولغا سالدى. لېكىن ئاتالىق غازىنىڭ يىگىتلىرى كېمىگە زادىلا نەزەر سالماي، قانداق جاي توغرا ۋە ئۆتتۈر كەلگەن بولسا، شۇ جايدىن ئات بىلەن ئۆتۈپ، كېمىنى زادىلا لازىم قىلمىدى. كۇچار لەشكەرلىرى بىر ھۇجۇم بىلەنلا كەينىگە قاچتى. لەشكەرلىرى پاراكەندە بولۇپ، جېنىنى جايلاپ ھەر تەرەپكە ماڭدى. ھەمدەم باتۇر بېشى ۋە غازى پەنسەتلەر ئۇلارنى قوغلىغانچە ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىپ، ئوردىغا چىقىپ، ”زاماننىڭ زامانى بولسا مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق زامانى“ دەپ جار سېلىپ، ناغرا ساداسى شادىيانىغا كۆتۈردى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ جامالىدىن خوجام ئاغچىسى بىلەن ئوردىنىڭ كېيىنىدىكى ياردىن ئۆزىنى پەسكە تاشلىدى. جامالىدىن خوجام پەخىرىدىن مازارىغا بېرىپ يوشۇرۇندى، ئاغچىسىنىڭ پۇتى چىقىپ كېتىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە ئۆزىنى ئالدى. توپ-توپ نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلارنىڭ كاناي-سۇناي، داقا-دۇمباق ساداسى ۋە نۇسرەتلىك قوشۇنلارنىڭ ھاي-ھۈيلىرى، سەرۋاز-جانۋازلارنىڭ مەشق تاماشىسى ئىچىدە، ئاتالىق غازى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەركانلىرى، ئەمەلدارلىرى بىلەن داغدۇغا، سەلتىنەتلەرنى قىلىپ، ئاقسۇ دار سەلتىنەتىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئەنە شۇنداق پەيتتە يىگىتلەر جامالىدىن خوجامنى تۇتۇپ كەلدى، ئاتالىق غازى ئونىڭغا بىر قانچە قەھرى-غەزەپلىك سۆزنى قىلىپ، يەنىلا گۇناسىغا ئەپۇ قەلەمنى سۈرۈپ، مۇناسىپ تون-كىيىملەرنى بېرىپ ياركەنتكە ئەۋەتىپ، ھاجى پادىشا بىلەن بىر ئۆي، بىر ماكاندا بىللە مەڭگۈ ئۇيقۇغا سالدى. ئاقسۇنىڭ ھەممە تەۋە شەھەر، قىشلاقلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ خاتىرجەم بولدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى چىلاندا تۇرغان چاغدا، ئاتالىق غازى بويىدىن خوجا نەزەر بەگ ھىسارىنى باش قىلىپ، مۆمىن يۈز بېشى بىلەن ئوتتۇز توققۇز يىگىتنى ئۈچتۇرپانغا بۇيرۇپ ”ئۈچتۇرپان ئەھلى خوجىلاردىن، خوجىلار بولسا ئۈچتۇرپان ئەھلىدىن بىزار بولۇپ زېرىككەنىكەن، بۇرھانىدىن خوجىنىڭ بىزگە ئىشەنچىسى بار ئىكەن. مەزكۇر خوجىنى ئوغلى بىلەن ئازار بەرمەي ئالى دۆلەتخانا ئوردىمىزغا ئەۋەتىپ، يۇرتتىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭلار“ دەپ يولغا سالغان ئىدى. بۇلار ئۈچتۇرپانغا كېلىپ، قورال-ياراق، غەزىنە، سايمانلارنىڭ ئاچقۇچ-كىلىتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بۇرھانىدىن خوجامنى ۋە ئوغلى بىلەن يەنە ئۈچ ئادىمىنى مۆمىن يۈز بېشىغا قوشۇپ ئاقسۇغا ماڭدۇردى. بۇ ۋەقە ئاۋالقى داستاندا زىكىر قىلىنغان ئىدى.

ئەلخىسسە، ئاتالىق غازى ھېكىم خان تۆرەمنى ئاقسۇغا ھاكىم قىلىپ، باي، سايرام ئەتراپىنىمۇ قوشۇپ مەرھەمەت قىلىپ، بۇ جايلارغا سۈيۈرغال ۋە مۇستەقىل ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلىدى، ھەمدەم باتۇر بېشىنى ئونىڭغا ئالاھىدە باتۇر بېشى قىلىپ بەردى. خوتەنلىك موللا ئابدۇللا ئاخۇنۇمنى قازى كالان قىلىپ، ئالاھىدە يارلىق-مەنسۇرلار بىلەن ئورنىنى كۆتۈرۈپ مەمنۇن قىلدى. ئاندىن كېيىن تاش خوجا پەنسەتنى ئىككى يۈز ئەللىك يىگىتى بىلەن چاپاۋۇل قىلىپ كۇچارغا ماڭدۇردى. بۇ باي شەھىرىگە بىر يېرىم تاش مىقدارى كېلىدىغان سايلىڭگەر دېگەن مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا، كۇچارلىق خوجاملار ئىبراھىم تۆرە، باقى تۆرە، يۈسۈپ باھادۇر، ياقۇپ باھادۇر، تەلەي باھادۇرلارنى باش قىلىپ، تۆت مىڭ لەشكەر بىلەن ئالدىغا چىقاردى. بۇلار قوشتام دېگەن جايدا تاش خوجا پەنسەتنى تۇتۇۋېلىپ، ئونى بىر يۈز ئاتمىش يىگىتى بىلەن ئۆلتۈردى، ئىككى ئايدىن كېيىن، تاش خوجا ئىشاننىڭ ئۈستىخىنى بىلەن، بىللە ئۆلتۈرۈلگەن يەنە بىر مۆتىۋەر ئەمىرنىڭ ئۈستىخانلىرىنى ئېچىۋېلىپ، دەريا سۈيىگە باغلاپ تازىلاپ ۋە بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئۈستىخانلىرىنى خالتامغا قاچىلاپ، كاشغەرگە ئېلىپ بېرىپ، ھەزرەت ئاپاق مازىرىسىدا دەپنە قىلدى. چۈنكى، بۇلار مۆتىۋەر ۋە ئەزىز ئادەملەرنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەن.

سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، كۇچار لەشكەرلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، بەدۆلەت غازىنىڭ قانخۇمار لەشكەرلىرىنى قوغلاپ ئارقىغا ياندۇرۇپ، جۇغا دېگەن جايدىن ئۆتكۈزۈپ، جۇغىنى ئۆزلىرىگە جاي-ماكان قىلىپ، سۇنى توسۇۋېلىپ يول بەرمەي تۇردى ۋە كۆپ ئادىمىنى ياقىرىققا توختىتىپ، تاغ ئىچىدىكى غار-ئېغىزلارغا بولوڭ-تۇرما قىلىپ قويۇپ، نۇرغۇن ئادەمنى نابۇت قىلدى. تىرىك قولغا چۈشكەنلىرىنى تىرىك پېتى ئېسىپ، تېگىدىن ئوت قالاپ كۆيدۈرۈپ، كاۋاپ قىلىۋەتتى. ئاتالىق غازى بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ غەزەپ ئوتلىرى چاقناپ، نۇرغۇن سەرۋاز-جانۋازلارنى قىل قۇيرۇق قىلىپ، ھۇجۇمغا پەرمان بەردى. ئارقىدىن جانابى بەدۆلەت ئاتالىق غازى زەپەر ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويدى. ئەمىرى لەشكەر، پەنسەتلەر جانابى ئاللىنىڭ غەزەپ ئوتلىرىدىن قورقۇپ، ھەممىسى بىرىدەك ئات چاپتۇرۇپ، جۇغىنى ئېلىپ، ياقىرىققا يېتىپ بېرىپ، لەشكەرلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ھادىسىلەرنى ئوچۇق كۆرۈپ، تاقىتى تاق بولۇپ، غەزەپلىرى ئۆرلەپ، ساي لېۋىدە شۇنداق جەڭ-قىرغىنچىلىقلارنى قىلدىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈك-مۇردىلىرى خۇددى ساينىڭ قارا تاشلىرىدەك يېتىپ كەتتى. ئاخىرى بۇ نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلار غالىپلىق قىلدى. كۇچار لەشكەرلىرىدىن ئىبراھىم تۆرە باشلىق ئاز ئادەم جېنىنى جايلاپ قاچتى. باشقىلىرى تىغ سىياسەت ۋە غەزەپ-قەھرىيەتىدىن ئۆتتى. بەزىلىرىنى ئولجا-ئەسىر قىلىپ ئاقسۇغا ئېلىپ كەلدى. كۇچار لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭغا يېقىن ئادەم نابۇت بولۇپتۇ. ئاتالىق غازى تەرەپتىن سەككىز يۈزدىن كۆپرەك ئادەم زىيان بولۇپتۇ. بۇ چاغدا كۇچاردىن ھامىدىن تۆرە باشلىق يەنە تۆت مىڭ لەشكەر چىقتى. بۇ زامان ۋەزىيىتى ۋە تەقەززاسىغا قاراپ ئەل بولۇپ، ئىتائەت قىلىشنى لازىم كۆرۈپ، ئاتالىق غازىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۆزىنى تاشلاپ، ئونىڭ بىلەن ياقىرىقتا ئۇچرىشىپ، ئونىڭ قوبۇل قىلىش دۆلەتلىرىگە مۇيەسسەر بولدى. ئاتالىق غازى ھامىدىن تۆرەدىن ناھايىتى خوش بولۇپ، تون-كېچەك ۋە ھەر خىل ئىنئام-ئېھسان ئاتا قىلىپ، ”بىزلىرى كۇچاردىن يېنىپ بارغىچە كاشغەرگە بېرىپ، دۇئا قىلىپ تۇرسىلا، بىر نان تاپساق ئوتتۇرىدىن تەڭ بۆلۈپ بىللە يەيمىز“ دەپ ئەھدى-ۋەدىلەرنى قىلىپ، مۇلازىملارنى قوشۇپ يولغا سالدى ۋە ”ھەدىس شېرىپ“نىڭ ”ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار“ دېگەن مەزمۇنى بويىچە، ئۆز ۋەدىسىگە ۋاپا بولۇپ، تۆرەلەر قاتارىدىن كاتتا ئورۇن بەردى، ئالىي تەمىنات ئالغۇچىلار قاتارىدا تون-كېچەكلىرىنى بەردى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئونىڭدىن كېيىپ ھەزرەت ئاپاق مازىرىغا تاشلىدى.

جانابى ئاتالىق غازى ئاندىن كېيىن دەبدەبە سۆلەت ۋە ھەشەم سەلتىنەت بىلەن ياقىرىقتىن كۇچارغا ئاتلاندى، مەنزىلمۇ-مەنزىل يۈرۈپ، قىزىل دېگەن جايدا قوندى. خەيىر مۇھەممەت توپچىدار پەنسەتنى يىگىتلىرى بىلەن چاپاۋۇل قىلىپ ماڭدۇردى. بۇ چاغدا راشىدىن خان خوجاممۇ بىر مۇنچە ئەسكەر چىقارغان ئىكەن. بۇلارنى بىر ھۇجۇم بىلەنلا كېيىنگە قاچۇردى. ئاندىن كۇچارنى قولغا كىرگۈزۈپ، شامالۋاغ دېگەن جاينى مەنزىل قىلىپ، جانابى ئاللىرىنىڭ خىزمىتىگە ئەرز ماڭدۇردى. جانابى غازى بەدۆلەت مەڭگۈلۈك ئىقبال ۋە ھەشەمەت بىلەن كۇچارغا كېلىپ، شامالۋاغ ئاستىدىكى بۇلاق بېشىدا چېدىر-بارگاھىنى تىكلەپ ئورۇنلاشتى، خان خوجىنى ئېلىپ چىقىپ دۇئا قىلدۇرۇپ، غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، بىر قانچە قاتتىق سۆزنى قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە گۇنالىرىغا ئەپۇ قەلەمنى سۈرۈپ، مۇناسىپ تون-كېچەكلىرىنى بېرىپ، مەھرەم قوشۇپ، ئۆز ئوردىسىغا قايتۇردى. خان خوجا ئوردىسىغا كىرىپ بىر مەھرەمنى چىقىپ يوق قىلدى ۋە قولىغا مىلتىق-ياراق ئېلىپ سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ: ”مېنىڭ لەشكەرلىرىم نەگە كەتكەن، بۇ قىپچاق-ئەنجانلىقلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، شەھەردىن قوغلاپ چىقارمامسىلەر“ دەپ قىساس-شاۋقۇنلارنى سېلىپ، مەس دىۋانىدەك ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ يۈردى. بۇ چاغدا ئونىڭ لەشكەرلىرىدىن بىرىمۇ يوق بولۇپ، ھەر قايسىسى جېنىنى جايلاپ ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتكەن ئىدى. بۇ چاغدا ئاتالىق غازىدىن مۇلازىملار كېلىپ، ئونى تۇتۇپ باغلاپ ئېلىپ چىقتى. ئونىڭ نېمە بولغانلىغىنى، نەگە بارغان ۋە تۇرغانلىغىنى ۋە قانداق جايىدا دەپنە قىلىنغانلىغىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى ۋە بىلمىدى، ئۇ بىدەرەك، بىخەۋەر، بىئەسەر يوقالدى. باشقا ئەھۋاللار ئاۋالقى داستاننىڭ ئاخىرىدا زىكىر بولۇپ ئۆتتى. بۇ جايدا قايتا تەكرارلانمىدى.

ئاتالىق غازى مەخسۇس ئىشەنچلىك مۇلازىملارنى تەيىنلەپ، خان خوجىنىڭ غەزىنە، قورال-ياراق، توپ، زەمبىرەك قاتارلىق پادىشاھلىققا لازىملىق ئەشيا-كېرەكلىرىنى خەتلەپ، ئۆز غەزىنىسىگە ئالدى. قامۇلدىن تارتىپ بۇ ئالتە شەھەر خىتايلىرىنىڭ غەزىنىلىرى، قورال-ياراقلىرى، تامامەن خان خوجىنىڭ غەزىنىسىگە توپلۇنغان ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا جانابى بەدۆلەت ئاللىرىنىڭ ئالىي دۆلەتخانىسىغا ئۆتكۈزۈپ، كاشغەر دارىسەلتىنەتىگە ماڭدۇردى. ئاندىن ئۆكۆچارنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسھاق خوجامنى كورلىدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ، كۇچار، شەھيار، بۈگۈر، كورلىغىچە بولغان جايلارنى مەرھەمەت قىلىپ، مۇستەقىل ھاكىم قىلىپ تەيىنلەپ، ئالىي يارلىق بىلەن ئورنىنى كۆتەردى. توختى ئىشىك ئاغا بېگىنى ياساۋۇل بېشى دەرىجىسى بىلەن ئىسھاق خوجامنىڭ خىزمىتىگە قويدى. موللا يۈسۈپ ئاخۇنۇمنى قازى كالان قىلىپ، يارلىق-مەنسۇرە بىلەن ئىشقا تەيىنلىدى. ئاتالىق غازى كۇچاردا ئىككى ئاي مىقدارى تۇرۇپ، نۇرلۇق مازارى ماشايىخلارنى زىيارەت قىلىپ، غېرىپ-پېقىرلارغا نەزىر-سەدىقە بېرىپ، ئەۋلىيالارنىڭ روھلىرىغا بېغىشلاپ خەتمە قۇرئان قىلدۇرۇپ ساۋابىنى ئالدى ۋە سائادەتلىك زامان، شەرەپلىك سائەتتە دار سەلتىنەت كاشغەرگە يولغا چىقىپ، ئاقسۇدا بىر ئاي مىقدارى تۇرۇپ قالدى. ئاقسۇنىڭ چوقلىرىدىن موللا ئابدۇل باقى مۇپتى ئاخۇنۇم، مۇھەممەت ئابدۇللا ئىشىك ئاغا بەگ، ئابدۇللا قازىم، قاسى قازى بەگ باشلىق ئون يەتتە ئۆيلۈك ئادەمنى جازالاپ، ئاق ئۆيلۈك قىلىپ ياركەنتكە ھەيدىدى. ئاقسۇدىكى مازارى مۆتىۋەرىكاتلەر ھەققىدە بۇرۇن كەم قالغان خەتمە قۇرئاننى تولدۇرۇپ، غېرىپ-ھاجەتمەنلەرگە كېرى سەدىقە بېرىپ، ئاش قاينىتىپ، ھەر خىل ئىنئام-ئېھسانلارنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئېلىپ، زەپەر ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويۇپ، ئۈچتۇرپانغا باردى. بۇ يەردە يىگىرمە كۈن مىقدارى تۇرۇپ، ئالاۋىدىن بېگىنى مۇھەممەت بابا توقسابىگە سەركار قىلىپ بەردى، مازارى ماشايىخلارغا كېرى نەزىر-نىيازلارنى ئۆتكۈزۈپ، دۇئالىرىنى ئېلىپ، خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، قاقشال ئىچى ۋە قىرغىزلارنىڭ ئارىسى بىلەن كاشغەر دارىسەلتىنەتىگە راۋان بولدى، مەنزىلمۇ-مەنزىل يۈرۈپ، كاشغەرگە ئىككى مەنزىل كېلىدىغان ساغۇن قاراۋۇلى دېگەن جايدىكى بىر سۇ ئېغىزىنى ئوتلاق-يايلاق يەر ئىكەن دەپ، بۇ جايغا نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلىرى بىلەن چۈشۈپ ئورۇنلاشتى. ئەمما كېچىسى ھاۋا بۇزۇلدى، چاقىلغان ئاۋازىنىڭ جىلۋىسىگە كەلدى. كېيىندىنلا ئازراق يامغۇر ياغدى. ئۇلار بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي تۇراتتى. لېكىن، يېرىم كېچىدە تاغنىڭ ئاغزىدىن بالادەك بىر كەلگۈن چىقىپ، غەزىنە، قورال-ياراق، تۆگە، ئات، ئارغىماق، سەرۋاز توپخانا، بازارچى، پىلتىرچىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ پالاكەت ۋە ھالاكەتكە غەرق بولۇپ، نەس-نابۇت بولدى. لېكىن جانابى ئاللىنىڭ بارگاھىنى ئىگىز يەرگە تىككەن ئىكەن، كەلكۈن بالاسى تەسىر قىلالماپتۇ. زايا بولغان غەزىنە، قورال-ياراق، يىگىت، سەرۋازلارنىڭ بەزىسىنى بىر كۈنلۈك ياكى ئىككى كۈنلۈك يەرلەردىن ئىزدىشىپ تېپىپتۇ، كۆپ قىسمىنى تاپالماي يېنىپ كېلىپتۇ. بۇ ۋەقە-ھادىسىنى زادىلا ئىزھار قىلماي ۋە بىلىندۈرمەي، قالغانلىرىغا تون-كېچەك، ئات، ياراقلارنى ئىنئام-ئېھسان قىلىپ خوش قىلىپتۇ. مىزان پەسلى ئىدى. كاشغەر تەرەپتىن نۇرغۇن ئېشەكتە قوغۇن، تاۋۇز، شاپتۇل، ئۈزۈم، ئەنجۈر قاتارلىق يەل-يېمىشلەر يېتىپ كەلدى.

جانابى ئاللىرى قوغۇنلارنى ئۆز قۇلى بىلەن تىلىپ، ھەر قوغۇندىن ئۆزى بىر تىلىم يەپ، قالغىنىنى چوڭ-كىچىك سەرۋازلارغىچە ئوبدان مۇئامىلە، تەسىرلىك گەپلەر ۋە مۇلايىم سۆزلەر بىلەن تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالاھىدە رام ۋە سەييات قىلدى. ئاندىن ئۆتۈپ ئاتۇشتا قونۇپ كاشغەر دارىسەلتىنەتىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. بۇ كۈنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1867 - يىلى — ت)، يەنى مايمۇن يىلى ماھى جامادىيەلئاخىرنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى — ت) ئىدى. ئاندىن كاشغەردىكى مازارلاردا نەزىر-سەدىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، غېرىپ-بىچارىلەر، يېتىم-ئاجىز دۇئاگۈيلەرنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، ئەمىرى لەشكەر، پەنسەت، يۈز بېشى، يىگىت، سەرۋازلار، ھەممە چوڭ-كىچىك جانۋازلارغا ئۆز لايىغىدا مەنسەپ، يارلىق، تون-كېچەك، خەجلەيدىغان تىللا قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلدى. ئەمىرى لەشكەر مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىدىن قايتىپ، ئونى يوق قىلدى. بۇزۇرۇك خان تۆرەمگە ئون مىڭ قىزىل تىللا بېرىپ، بەدەخشان يولى ئارقىلىق ھەرەم شېرىپ زىيارىتىگە يولغا سالدى. شۇنداق قىلىپ، ئون ئاي ئىچىدە ياركەنت، خوتەن، ئۈچتۇرپان، ئاقسۇ، كۇچار، كورلىغىچە بولغان جايلارنى قول ئاستىغا كىرگۈزدى. يەنى موغۇلىستان مەمىلىكىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەممىنى يەك قەلەم بۇيرۇغىغا ئىتائەت قىلدۇردى-ۋەسسالام.

7

ياراتقۇچى ئاللانىڭ لۇتپى ئىنايىتى بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئۇلۇغ شاھى جانابى مۇھەممەت ياقۇپ بەگ خۇش ئەخلاقىنىڭ بۇ يەتتە شەھەر — موغۇلىستان يۇرتىغا ئىستىلاسى ۋە ئادالەت گۈلەمىلىرىنى يايغىنى، بىرنەچچە پاراكەندىچىلىك ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ بايانى

ئەقىدىكەش ئەرباپلار، خەيرىيەت ئەندىشە دوستلارنىڭ دانا كۆڭۈللىرىدىن مەخپى ۋە يېپىق قالمىغايىكى، ئۇستا گەپچىلەر ۋە تالانتلىق ۋەزىنچىلەرنىڭ شۇنداق قىسسە ۋە داستانلىرىغا قارىغاندا، ئاقسۇ، كۇچار شەھەرلىرى قولغا كىرىپ بوي سۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، جانابى ئاتالىق غازى دۆلەت ئەركانلىرى ۋە دائىمى ئەمەلدارلىرى بىلەن دارىسەلتىنەت تەختى كاشغەرگە كېلىپ خاتىرجەم ئارام تاپتى. موغۇلىستان تەۋەسىدىكى دۈشمەنلەر بىر تەرەپ قىلىندى. ھۆكۈمدارلارغا بوي سۇنۇڭلار دېگەن ئايىتىنىڭ مەزمۇنىچە، بۇ زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئىتائەت بەلۋېغىنى مەھكەم باغلىدى. ئاتالىق غازى بۇ قىشنى تىنچ-راھەت ۋە ئەيشى-ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزدى. ئاخىرى يىل ئۆرۈلۈپ، باھار كۈنلىرى كەلدى، گۈل-رەيھانلار يەر يۈزىدىن باش كۆتەردى. ئەنە شۇنداق ھالەتتە ئاتالىق غازى كاشغەر، ياركەنت، خوتەندە ئىشخانا قۇرۇشقا پەرمان قىلدى. شۇڭلاشقا، زەرگەرلەر ئالتۇن، كۈمۈشتىن كەسسە كەمەر، تىردان، يۈگەن، قوشقون، پۇشتان قاتارلىق جابدۇقلارنى تەييارلاشقا باشلىدى. تۆمۈرچىلەر شاپ-قىلىچ، ئۆزەڭگە قاتارلىق پادىشاھلىققا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى راسلاشقا مەشغۇل بولدى. قازانچىلار كاتتا توپ ۋە چاچما ئوقلارنى ياساشقا تەيىن قىلىندى. كىيىم تىكىدىغان خەيياتلار كىمخاپ، تەئۇللا، تاۋار، بەقەسەم، شايى-ئەدرەس، بىنا رەس، چىت چەكمەن ۋە خەسە يەكتەكلەرنى تەييارلاش ئىشلىرى بىلەن قىزىپ كەتتى. پوستىندوزلار (جۇۋىچىلار — ت) قۇندۇز-بۇلغۇن، سۈلەيسۈن، تۈلكە تېرىسىدىن تۇيۇق كۆرپە، ئۇرۇشتا كىيىدىغان جىببە تون، رۇمچە نىمچە، شىم، تەلپەك-تۇماقلارنى تىكىشكە مەشغۇل بولدى. موزدوز-ساراچلار ھەر خىل كەسسە كەمەر، تىردان، پۇشتان، ئۆزەڭگە بېغى، يۈگەنلەرنى راسلاشقا كىرىشتى. ياغاچچى، قونداقچى، مىخگەر، قۇيماگەر، ئېلىمە دوز، زەردوز، چېدىرچى-خېمىگەر قاتارلىق ھەممە ئەھلى كەسىپ ۋە ھۈنەرمەنلەرنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ھۈنەرلىرىگە كىرىشىپ، پاتىپىراق بولدى. قوقەند دارىسەلتىنەتىنىڭ ئىشخانىلىرىدىن چىققان ئۇستام ماھىر ئۇستىلارنى ئالدۇرۇپ كېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇستىلارغا خەلىپە بېشى قىلدى. مەللە خاننىڭ نامىدا تىللا سوقتۇردى. فەغفۇرچىنىڭ پۇلىغا ئوخشىتىپ مىس پۇل قۇيدۇردى. ھەممە ئۇستا بېشىلىرىنىڭ ئۈستىدە يەنە ئىش بېشىلىرىنى تەييارلاپ، ھەممە ھۈنەرۋەنلەرگە ئايلىق تەمىنات بەلگىلىدى. ھېچقانداق ئادەمگە زورلۇق ياكى تەھدىت سالمىدى. ھەرقانداق ئادەم ئۆزى خالىغانچە كېلىپ، ئۆز ھۈنەرلىرىنى قىلىپ، قىلغان خىزمىتىگە لايىق ھەق-ئەجرىنى ئالدى.

ئاتالىق غازى ئادالەت ئىشىگىنى ئاچتى، زۇلۇم ۋە دەرد-ئەلەملەر خۇددى سۇمۇرغ قۇشىدەك قۇيىقاپ ئىچىدىن ۋەتەن تۇتتى. ھەممە پۇقرا ۋە خالايىق ئاتالىق غازىنىڭ دۇئايى دۆلەتلىرىگە بىئىختىيار تىللىرىنى ئېچىپ، مەسچىت-مەسچىتلەردە بەش ۋاقىت نامازنى ئۆتىگەندىن كېيىن، ئاتالىق غازىنىڭ ئۆمۈر دۆلەتلىرىنىڭ زىيادىلىگىگە دۇئالارنى قىلىشتى. ئادالەت سىياسىتىنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن يۈرگۈزۈپ، پۇقرا ۋە خالايىقنىڭ پۇل ۋە جېنىغا ئەسكەرلىرىنىڭ قول ئۇزىتىپ دەخلى قىلماسلىغىنى قەتئىي قەيىت قىلىپ بېكىتتى. بىر كۈنى نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلار ياركەنتتىن كاشغەرگە مەدىلا كېلىپ، چۆلدىن ئاۋادانلىققا چىقىپ تۇرغان بىر ھالەتتە، بىر كەمپىر مەزلۇم بىرنەچچە تاۋاق قېتىقنى يولغا ئېلىپ چىققان ئىكەن. بىر يۈز بېشى بىر تاۋاق قېتىقنى پۇل بەرمەي ئىچىپ كېتىپتۇ. ئاڭغىچە ئاتالىق غازى كېلىپ قاپتۇ. كەمپىر مەزلۇم ئونىڭغا ”بىر سىپاھى بىر تاۋاق قېتىغىمنى ئىچىپ، پۇل بەرمەي كەتتى“ دەپ ئەرز قىلىپتۇ. ئاتالىق غازى ناھايىتى مېھرىۋانلىق بىلەن ”قېتىق ئىچكەن سىپاھى تونۇمسىز“ دېگەندە، ئۇ ”تونۇيمەن“ دەپتۇ، قوشۇن ئىچىگە كىرگۈزسە، ئۇ ”مانا مۇشۇ سىپاھى ئىدى“ دەپ كۆرسەتكەن ئىكەن. ئاتالىق غازى پەرمان بىلەن ”ئەي ئانا، بۇ يىگىتنىڭ قورسىغىنى يېرىپ كۆرۈمەن، ئەگەر ئىچىدىن قېتىق چىقمىسا، سىزنى سويسام ۋابال بولمايدۇ“ دېگەندە، ئۇ ”ۋابال بولمايدۇ“ دېگەن ئىكەن. ئاندىن يىگىتنى دەرھال سويۇپ قارنىنى يېرىپ كۆرسە، مەزكۇر قېتىق تېخى ئۆزگەرمىگەن ئىكەن. بۇ يىگىتنىڭ تون-كىيىملىرىنى مەزكۇر كەمپىرگە بېرىپتۇ. شۇنداقلا جانابى ئالى غازى تۈنچى قېتىم ئاقسۇغا كەلگەندە، بىر يىگىت بىر بەدەۋچىنىڭ ئىككى باغ بېدەسىنى پۇل بەرمەي زورلۇق قىلىپ ئېلىپ ئېتىغا بېرىپتۇ. بېدە ئىگىسى ئەرز قىلىپتۇ. ئاتالىق غازى تەھقىقلەپ بېدە ئالغان يىگىتنى تېپىپ، زورلۇق قىلغانىنىڭ جازاسى دەپ، قىلىمىشىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىغا ئىبرەت ئۈچۈن سويۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ يىگىتلەر بىرەر ئادەمنىڭ بىرەر نەرسىگە زورلۇق قىلىشقا ياكى بازار نەرقلىرىدىن كەم سوراپ قاتتىق-يىرىك سۆزلەرنى قىلىشقا ھەددى بولمىدى ۋە بۇنداق ئىشلارمۇ تامامەن يوقالدى. ئالماق-ساتماق ئىشلىرىدا ھەممە ئادەم مۇلايىم ۋە شېرىن سۆز بولۇپ، تىنچ مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى، يەنە بىر قېتىم جانابى ئاتالىق غازى ئاقسۇغا كەلگۈچى بولۇپ مارالۋېشىدىن ئۆتكەندە، ئۆز پەرزەنتى بىر نەرسىگە ئوق ئېتىپتۇ. ئۇ تەرەپتە بىر ئېشەك ئوتلاپ يۈرگەن ئىكەن. ئوق بېرىپ ئاتقا تېگىپ ئېشەكنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئېشەكنىڭ ئىگىسى ”ئوشبۇ يىگىت ئېشىگىمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويدى“ دەپ ئەرز قىلىپ، يىگىتنى كۆرسەتكەن ئىكەن. قارىسا ئۆز پەرزەنتى، ئونى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، رىئايە قىلماي تاياققا تۇتۇپ ”سىز ئاتالىق غازىنىڭ ئوغلى بولىمەن دەپ پۇقرانىڭ ئېشىگىنى ئاتسىڭىز ۋە سەۋەپسىز ئوق چىقارسىڭىز بولامدۇ“ دەپ، غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، قاتتىق ئۇرۇپتۇ. بۇ بالا شۇ سەۋەپ بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەمىرى لەشكەر، پەنسەت، ئەمىرايى يىگىت، سەرۋازلارنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنچ ۋە زىل-زىلىل، ۋەھىمەت-لەرزىلەر چۈشۈپ، ھەممىسىلا يېگىۋاشتىن تەۋبە ئىستىغپار بىلەن ياقىلىرىنى تۇتۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىتائەت ۋە ئىناۋەتكە بەل باغلىدى.

ئەلۋەتتە، پادىشالار، مۇلازىم-خىزمەتكارلىرىنىڭ زۇلۇم تەئەددىتلىرىنى سەل چاغلاپ، گۇنالىرىغا غاپىل ۋە سۇسلۇق قىلىپ، سىياسەتتە ئۆلتۈرگۈزمىسە، باشقا مۇھىم ئىشلارغا مەسئۇل بولغان ياكى مۇھىم ئىشلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان كاتتا ئەمەلدار ۋە ئۇلۇغ ئەمىرلەر، بۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ھۆكۈمەت شىرازى-ئىنتىزامى سۇسلىققا، يۇرتدارلىق ئۆلچەملىرى بوشاشقا يۈزلىنىپ، خالايىقنىڭ رايى قايتىپ، ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتىزامى قوزغىلىپ كەتسە، كېيىن بۇنى ئۆز جاي-مەركىزىگە ئېلىپ كېلىشكە تەدبىر ئاجىزلىق قىلىدۇ ياكى يېتىشمەيدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خەيرىسىيەتلىك كۈنلەر ۋە دۆلەت ئىنتىزامى كۆچىگەن زامانلاردا، بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە خالىغانچە زورلۇق ۋە تەئەددى قىلىدىغان ئەھۋاللار، مەيلى ئەل ئىچىدىن ياكى يىگىتلەر ئارىسىدىن تامامەن كۆتۈرۈلدى. جانابى ئالى غازىنى ھەممىسىلا ھازىر تۇرغاندەك كۆرۈپ، ”يىراق يېقىندۇر، غايىپ ھازىردۇر“، ”كېچە-كۈندۈز دۇر“ دېيىشىپ، ھەرقانداق كىشى سەۋەپسىز ۋە ئورۇنسىز بىر ئىشقا قەدەم قويالمىدى، بەلكى بۇنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ مەيلى غايىپ بولسۇن ياكى يېقىن-يىراق بولسۇن، ئونى خۇددى ھازىر قاراپ تۇرغاندەك كۆردى ۋە ئونى شۇنداق بىلىپ ئېتىقات قىلدى. ئەمما ۋەقەنى خەتلەپ تۇرىدىغان ماراقچىلار ھەر زامان، ھەر ماكان ۋە ھەر جايدا ھازىر بولۇپ تەييار تۇراتتى. بۇ تايىپىلەرنى ھېچبىر كىشى زادى بىلەلمەيتتى ۋە تونۇمايتتى.

ئەلخىسسە، ئاتالىق غازى مۇھەممەت ياقۇپ بەگنىڭ يىگىتلەرى سانى ئەللىك مىڭدىن ئاشتى. ئىشخانىلاردا ئايلىق-تەمىنات ئالغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئەللىك مىڭغا يېقىنلاشتى. غەزىنە بايلىغىمۇ خېلى بوشاپ قالدى، بۇ چاغدا ئاتالىق غازىنىڭ دۆلەت ھۆكۈمرانلىغى شەرقىي تەرەپتە باغراش ۋە ئوششاق تال، شىمالىي تەرەپتە مۇزتاغ ۋە زەۋقى، غەربىي تەرەپتە ئالاي ۋە بەدەخشان، جەنۇبىي تەرەپتە قاراڭغۇ تاغ، لوپ، چەرچەنگىچە بولغان جايلارغا سۇزۇلغان ئىدى. ئاتالىق غازى مۇلازىملارنى چىقىرىپ بۇ ھۇدۇت ئىچىدىكى تاغ-جەزىرە، يايلاق ۋە قىشلاق، جاڭگال ۋە تاشلاق (ئىگىسىز جايلار — ت) بولۇپمۇ ئولجا ۋە خەنىيە زېمىنلار (خان ياكى دۆلەتكە تەۋە زېمىن — ت)، باغلار، شەھەر، سەھرا ۋە كەنت-قىشلاقلارنى ساتماققا تەردەدۇت قىلدى. جۈملىدىن ئاقسۇغا مۇھەممەت نەزەر قۇشبېگى، مىرزا قاسىم مۆھتەر، مىرزا ئابدۇلئەزىز بۇخارى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، ئاقسۇلىق ئابدۇللا دىۋان بېگىنى مۇباشىركار-مەسلىھەتچى قىلىپ تەيىنلەپ، خىتاي، تۇڭگانلاردىن قالغان باغ-زېمىن، بىشەم-جاڭگال، يايلاق ۋە قىشلاقلارنى ۋە خەنىيەلەرنى ساتماقچى بولدى.

بۇرۇنقى چاغلاردا خاقانى چىنى ئەھلى بۇ يەتتە شەھەرگە ئىگە بولۇپ ئاللىق قىلغاندا، ئاقسۇدىكى ھاكىم ۋە ئىشىك ئاغا باشلىق قىرىق ئالتە بەگنىڭ ھەر بىرىگە قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن خەنىيەدىن بېرىدىغان مائاش-كۈلەن كۈمۈش ئورنىغا زېمىن ۋە ئادەم تەييارلاپ بەرگەن ئىكەن. چۆللەرگە كۆپرەك، كىچىكلەرگە ئازراق بېرىدىكەن. مەسىلەن، ئاقسۇغا ھاكىم بولغان كىشىگە بىر يۈز ئۆيلۈك، ئىشىك ئاغا بولغان كىشىگە ئاتمىش ئۆيلۈك، مەرتىۋىسى كىچىكلەرگە ئون ئۆيلۈكتىن ئادەم ۋە شۇڭلاپ زېمىن بەرگەن ئىكەن ۋە بۇ ئادەملەر تەيىنلەنگەن شۇ بەگلەرنىڭ دېھقانچىلىغىنى قىلسۇن، خىزمىتىنى ئۆتىسۇن دەپ جۈلدۈ-جاساق قىلىپ يارلىق بەرگەن ئىكەن. تا ئىسلام بولغىچە ھەرقانداق ئادەم قايسى مەنسەپكە يەتسە، بۇ يارلىق ھۆكۈمى بويىچە، جۈلدۈ قىلىپ بېرىلگەن مەزكۇر زېمىننى تېرىپ، ئادەملەرنى ئىشلىتىپ، خىزمىتىگە سېلىپ كەلگەن ئىكەن. بۇ قائىدە-ئۇن يەتتە شەھەرنىڭ ھەممىلا جايىدا بۇرۇندىن بۇيان جارى بولۇپ كەلگەن ئىكەن. بۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستىدىكى بەگلەر بولسا ئۇلارنى خۇددى سېتىۋالغان مۈلكى ۋە ئالتۇنغا تېگىشكەن قۇللار ياكى ئاتا مىراسى قۇللىرىدەك كۆرۈپ، مەزكۇر ئادەملەردىن خالىغانچە پۇل، ئوتۇن، ياغاچ قاتارلىق ھەر خىل نەرسىلەرنى ئالغانلىغىنى ۋە يەر تېرىتىپ غەللە ھاسىلى تاپقانلىغىنى ئۆزىگە ھالال دەپ قاراپ، بۇ ئىشقا ئەقىدە قىلىدىكەن. بۇ ئادەملەر يۇرت، خالايىققا ئارىلاشمقايدىكەن ياكى ھەرقانچە پۇل بېرىپ، ئەقەللى ئون بېشى، مۆئەززۇن، جاروپ قاتارلىق ئەمەللەرنىمۇ ئالالمايدىكەن. بۇلار يۇرت ئىچىدە ”قۇغى تامغىلىق يانچى“ دەپ ئېتىۋارغا ئېلىنمايدىكەن.

يەنە يەتتە شەھەر خىتايلارغا قارىغاندىن كېيىن، خىتايلار سۇ چىقىرىپ ئاۋات قىلغان زېمىنمۇ خەنىيە دەپ ئاتىلاتتى. ئاتالىق غازى مەزكۇر خەنىيە زېمىندىكى يايلاق ۋە قىشلاقلارنى، شۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق ياكى ئونىڭغا يېقىن كەنت، مەھەللىلەردىكى كىشىلەرگە سېتىپ بېرىپ، پۇلىنى دۆلەتخانىغا ئالدى. ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئاقيار، كەلپىن، تا قوشتام، ئونباشقىچە بولغان زېمىنلار بەش ئەللىك ئالتە مىڭ تەڭگىگە پۇل بولدى، باي، سايرام قاتارلىق جايلار بولسا ئەڭ كەم دېگەندىمۇ تۆت مىڭ تەڭگىگە پۇل بولدى. ئالتە شەھەرنىڭ قالغان جايلىرىدىكى ئەھۋالنى مۇشۇنداق بەلكى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق دەپ بىلسە ۋە ئىمتىھان قىلىپ كۆرسە بولىدۇ. شۇنداقلا ھەر يىلدا بىر كاتتا سىپاھى بىرنەچچە مىرزا بىلەن كېلىپ، پادىشاھلىق زېمىن سېتىلماي قالغان ئىكەن، بىز تەكشۈرۈشكە كەلدۇق دەپ، تەھقىقلەپ، بايلارنى قورقۇتۇپ، كەمىنى تولدۇرىمىز دەپ، نەچچە مىڭ تەڭگە پۇلنى دۆلەتخانىغا ئالاتتى. يەنە ”مەزكۇر زېمىنلارنى جانابى بەدۆلەت ئاتالىق غازى سېتىپ، پۇلىنى مەن ئالدىم“ دەپ خەت-چەك يېزىپ، ئۆز مۆھۈرىنى ۋە ئۆلىمايى-ئەزىزەلەرنىڭ چوڭ مۆھۈرلىرىنى باستۇرۇپ بېرەتتى. كېيىنچە يەنە ساتقان زېمىنلارنىڭ مۆھۈر پۇلىنى بەرمىگەن ئىكەن دەپ، بىر تەڭگىگە بىر داچەن، يۈز تەڭگىگە زېمىن ئالغان ئادەمگە تۆت تەڭگىدىن مۆھرانە پۇل قويۇپ، يەتتە شەھەردىن نەچچە مىڭ تەڭگە پۇل ئالدى.

بۇ كۈنلەردە كاشغەردە پۇقرالار جەم بولغان بىر مەجلىستە، بىر ئادەم ئۈستىلىق، بەلكى تەنە بىلەن ”ھەجەپ تىنچلىق ئوبدان زامان بولدى، قويىنىڭ ئۈچىسىدا تورغاي ئوۋا سالىدىغان زامان بولدى“ دېگەندە، كاشغەر تالىپلىرىنىڭ ئەلىملىرىدىن بولغان موللا زەرىپ موللا مۇھەممەتيار خەلىپىتىم دېگەن بىر دانا ۋە پازىل كىشى ”جانابى ئاللىرى يەتتە قەۋەت زېمىننى سېتىپ تۈگەتتى. تورغاي ئوۋا سالىدىغان جايىمۇ قالمىدى، ئەمدى قويىنىڭ ئۈچىسىغا ئوۋا قىلماي نېگە قىلسۇن“ دەپ ئۈستىلىق بىلەن جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.

رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، كۇچارلىق خوجىلار زامانىدا، كەشمىر تەرەپتىن مۇھەممەت ئەلىخاننىڭ ئوغلى مۇزەپپەرخان ياركەنت مەمىلىكىتىگە كېلىپ، ئاندىن كۇچارغا بېرىپ، كۇچارلىق خوجىلارنىڭ كۆرلىغا كەلگەندە، ئاتالىق غازى ئۆزىنىڭ نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلىرى بىلەن كۇچارغا كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ، كورلىدىن ئۇرۇمچىگە بېرىپتۇ، ئۇ بىرنەچچە ۋاقىت غۇربەتچىلىك بىلەن ئۈمۈر كۆچۈرۈپ تۇرغان كۈنلەردە، ئىلى تەرەپتىن بارغان فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ بەزى سودىگەر بايلىرى مۇزەپپەر خاننى تونۇپ قېلىپ، ئونىڭ ئىززەت-ئىكراملىرىنى قىلىپتۇ. تۇڭگانلارنىڭ ئۇلۇغى داۋۇت خەلىپە بۇنى ئاڭلاپ، ئارتۇق ئىززەتلىرىنى قىلىپ، ئونىڭغا نەچچە ساندۇق چاي ۋە كۈمۈش بېرىپتۇ. باشقا تۇڭگانلارمۇ نەزىر-سەدىقىلەرنى قىلىپتۇ. قولىغا پۇل كىرىگەندىكىن ئونىڭ ئەتراپىغا بىر مۇنچە ئادەم جەم بولۇپتۇ، بۇ كۈنلەردە قوقەنددىن قېچىپ كەلگەن ۋە مۇھەممەت ئەلىخاننىڭ خىزمىتىدە بولغان كونا چوڭ سىپاھەلاردىن مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى، نار مۇھەممەت پەرۋانچى، مىربابا دادخۇا غازى پەنسەت قاتارلىقلار مۇزەپپەر خانغا ”ئىلاجى بولسا ئاقسۇ تەرەپكە، ئەقەللىسى كۇچار تەۋەسىگە قەدەم تەشىرپ قىلىسىلا، ئۆزلىرىنى خان كۆتۈرۈپ، يەتتە شەھەرگە خان قىلىپ، خىزمەتكارچىلىق قىلساق، سىلى ھەممىمىزنىڭ ئۇلۇغ خانزادىمىز ۋە خوجىمىز“ دەپ كەينى-كەينىدىن خەت يېزىپتۇ. ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ يۇرت سورىشىنى كەسىپى ھۈنەر قىلىپ كەلگەن مۇزەپپەر خاننىڭ ئۇلۇغ بولۇپ، تەختى سەلتىنەتتە ئولتۇرۇش ئارزۇ-ئىشتىياقى ئونىڭ دىل كۆڭلىنى بىقارار ۋە بىئارام قىلىشقا باشلىدى. پاراكەندە تۇڭگانلاردىن بىر قانچىسى ۋە مۇساپىر ئەنجانلىقلار جەم بولۇپ جەمىيەت پەيدا قىلدى، بىرنەچچە بايلار ھۆكۈمەت تاماسىدا قولىدىكى دەسمايىلىرىنى قەرز بەردى ۋە باشقىلاردىنمۇ قەرز ئېلىپ بەردى. ئات، قورال-ياراق، بايراقلارنى ھازىرلاپ، شاپاشلاپ، ناغرا، كانايلارنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىپ، كورلىنى ئىشغال قىلدى. كورلىنىڭ ھاكىمى ھاجى بەگ كۇچارغا قېچىپ كېلىپ، ۋەقە-سۈرەتلەرنى بىر-بىرىلەپ تىزىپ، خۇددى كۆز قامايدىغان چىقىلغاندەك تېز يورۇشلۇق بىر ئەرزچىنى كاشغەر دارىسەلتىنەتىگە ئىلدام يولغا سالدى.

جانابى ئاتالىق غازى مۇزەپپەر خاننىڭ كورلىغا كىرگەنلىگىنى ئاڭلاپ، كونا ۋە كاتتا سىپاھەلەردىن ئەندىشە قىلدى، چۈنكى، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇلۇغى ۋە خانزادىسى ئىدى. شۇڭلاشقا، دەرھال ئىسھاق خوجام نامىغا پەرمان چۈشۈرۈپ ”مۇزەپپەر خاننىڭ ئۈستىگە ئۆز يىگىتلىرىڭىزنى ئېلىپ بېرىپ، ئىلاجى بولسا مۇزەپپەر خاننى تىرىك قولغا كەلتۈرۈڭ، ئەگەر مۇيەسسەر بولمىسا ھەرقانداق قىلىپ ئۆلتۈرۈپدىن كۆتۈرۈپ، خىزمەتكارچىلىغىڭىزنى مەلۇم قىلغايسىز“ دېدى. بۇ ئىنايەتنامە يېتىپ بېرىشى بىلەنلا، ئىسھاق خوجام قول ئاستىدىكى ئىككى مىڭ يىگىتى بىلەن كورلىغا يېتىپ بېرىپ، مۇزەپپەرخان بىلەن ئۇرۇشتى. مۇزەپپەر خان ئاز ئادەم بىلەن قېلىپ، باراۋەرلىك قىلالماي بىر چېدىرغا يوشۇرۇندى. چۈنكى، ئۇ ئىلگىرى بىر مۇنچە ئەسكى قالماق بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ئىدى، بۇلار ئىسھاق خوجامنىڭ نۇسرەتلىك ئەسكەرلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا ئۆزلىرىنى ياققا ئالغان ئىدى، ئىسھاق خوجام چېدىرنى قورشاپ، تەرەپ-تەرەپتىن ئوق ئېتىپ، مۇزەپپەر خاننى ھالاكەتكە يەتكۈزدى. ئونىڭ چېدىرى ئوق زەربىسىدىن گۇيا غەلۋىردەك بولۇپ كېتىپتۇ، بۇ ۋەقە تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بەشىنچى يىلى (مىلادى 1868 - يىلى — ت) يەنى مۇزەپپەر يىلى (خۇي يىلى — ت) مىزان پەسلىدە يۈز بەرگەن ئىدى، ئاقسۇ ھاكىمى ھېكىم تۆرەم ئالى پەرمان بويىچە قىزىل دېگەن يەردە قارا كۆرسىتىپ، ئىسھاققا ھىمايە قىلىپ تۇرغان ئىدى. لېكىن مۇساپىر نامىدىكى پانسەتلەر، يىگىت قاتارلىقلارنى كۇچارغا كىرگۈزمىدى. چۈنكى، ئۇلاردىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش توغرىسىدا شۇنداق پەرمان بېرىلگەن ئىدى. مۇزەپپەرخان بىر تەرەپ قىلىنمىغۇچە بۇ خەۋەرنى كاشغەردىكى ئەمىرى لەشكەر، پەنسەتلەرگە زادى ئىزھار قىلمىغان ئىدى، ئەمما بايلار قاتارىدا كەلگەن نەمەنگانى مۇسا كالال بېيى ۋە ئونىڭ ئۈچ نەپەر نەمەنگانى ئادىمىنى كاشغەرگە ئاپىرىپ يوق قىلدى. مۇزەپپەر خاننىڭ ئۈستىدىن زەپەر قىلىپ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى.

يەنە شۇ كۈنلەردە فەرغانە ۋىلايىتىدىن سەيىد ۋە پازىللاردىن بولغان ئەھرارخان تۆرەم ۋە سەيىد ئەردىلىرى داموللام قاتارلىقلار كاشغەرگە كەلدى. بۇ كۈنلەردە يەنە بىر ۋەقە بولدى، يەنى ئىراق تەرەپتىن شەيخ مۇھەممەت ۋە شەيخ ئەخمەت دېگەن ئىككى ئادەم ساياھەت قىلىپ، بەدەخشانغا كېلىپ بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىنى مۇبارەكلەپ ئۆزلىرىنىڭ پېزىلەتلىرىنى ئىزھار قىلىپ خەت-ئەرز بەرگەن ئىكەن. بۇ خەتتە ”بىزلىرى مەككە مۇئەززەمە شېرىپلىرىنىڭ ساپ نەسەپلىك ئەۋلاتلىرىدىن بولىمىز، پەيغەمبەر ھەزرەتنىڭ قەۋرە-باغىستانلىرىدىن بىشارەت بولۇپ، نېسىپ-رىسقىمىز بۇ دىيارلارغا چۈشتى. خېلى مۇددەتتىن بۇيان بەدەخشان ئۇلۇغلىرىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن بۇ جايدا تۇرۇپ قالدۇق. جاناپلىرىنىڭ ئىسلام ئېچىپ پادىشا بولغانلىرىنى خۇداۋەندەكېرىم مۇبارەك قىلغاي. ئەمما ئۆزلىرىگە دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك توغرىسىدىن بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىش لازىم ۋە زۆرۈر كۆرۈلدى. ھازىر بىزگە ئالەمۇلغەيىپتىن شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، ئۆزلىرى باشلىق جەمئىي يۇرتلىرىغا ئاللاھى قازاسى بىلەن بىر ئاسمانىدەك ئاپەت چۈشۈپ تۇرۇپتۇ. بىر ئىلاجى قىلىپ ۋاقى يۈز بېرىشىدىن بۇرۇن بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش لازىم. جاناپلىرى باشلىق ھەممە چوڭ-كىچىك ئۆلىما ۋە پازىللار، ئەمىر ۋە ئەمىرائىلار، پۇقرا ۋە خالايىق، ئاتا-بوۋا، ئۇرۇق ئەۋلادلارغا سېغىنىپ، يىغلىشىپ توۋا قىلىپ، يالۋۇرۇپ يىغا-زارە قىلىپ، نەزىر-نىياز، خەير-سەدىقىلەرنى ئادا ئەيلەپ، بۇ بالايى ئەززەمدىن ئامان ۋە نىجات بولۇشقا دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلغايلا. بىزمۇ كېچە-كۈندۈز دۇئاغا مەشغۇلدۇرمىز“ دېگەن سۆزلەر يېزىلغان ئىكەن.

بۇ خەت-ئەرز يېتىپ كەلگەن ھامان، جانابى ئالى غازى چوڭ سەيىدلەر، قازى ئۆلىما ۋە پازىللار، ئەمىرى لەشكەر، پەنسەت، ئەمىرالارنى ھازىر قىلىپ، بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئايان ۋە بايان قىلىپ، ئۆزى باشلىق ھەممىسىلا يېغىدىن ئالاھىدە توۋا قىلىپ، يۇرت، ۋىلايەتلەرنىڭ ھاكىملىرىغا ۋە پۇقرا-خالايىققا ئېلان چىقىرىپ، ”ھەر بىرىڭلار مەنى قىلىنغان يامان ئىشلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىپ يالۋۇرۇپ، نەزىر سەدىقىلەرنى بېرىڭلار“ دەپ ئالى ئىنايەتنامە چۈشۈردى، شەھەر-شەھەرنىڭ ئادەملىرى ۋاقىپ بولۇپ، ھەممىسىلا چىن قەلبىدىن يالۋۇرۇپ يىغا-زارە قىلىشىپ، توۋا-ئىستىغپار بىلەن شۇغۇللاندى. ئاتالىق غازى مەزكۇر شەيخلەردىنمۇ ئامانلىق سوراپ، تۆھپە-ھەدىيە ۋە ئوتۇپ ئىنايەتنامە بەردى . مەزكۇر ئىككى شەيخ بۇنى ئاڭلاپ بىلىپ، بىزنىڭ دېگەنلىرىمىز ياقۇپ بەگ باشلىق يەتتە شەھەر ئادەملىرىگە تەسىر قىلىپتۇ. ئەمدى بىز بېرىپ پەزىل-كارامەت قىلىپ كۆرەيلى، قېنى ئىشىمىز نەدىن چىقار دېيىشىپ، رام ھېلىسىنى يېيىپ، يالغانچىلىق دانىلىرىنى چېچىپ، ھېلە-مىكىر ۋە نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ يالغان دەۋالارنى تەييارلاپ، شەيخ مۇھەممەت ئۆزىنى ”مەھدى ئاخىر زامان (177) دېگەن مەن بولىمەن“ دەپ، شەيخ ئەھمەت ئونىڭغا ۋەزىر بولۇپ، ياركەنت زېمىنىغا كەلدى ۋە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ”مەن سىزلەرنى بەيئەت ۋە ئىتائەت قىلدۇرۇپ، راست يولغا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن كەلدىم“ دەپ ئىمام مەھدىلىك دەۋاسىنى قىلدى.

بۇ چاغدا، ئەينى زامان دىنى ھوقۇقلار ئىلمىنىڭ ئالىمى قازى زىيائىددىن داموللام ياركەنتتە قازى كالان ۋە شەرىئەت باشلامچىسى بولۇپ تۇراتتى. ئۇ بۇ شەيخلەرگە ”بۇ مەنىسىز دەۋالارنى قىلىپ، ساراڭ ئەسەبىيلەردەك كاللاڭلارنى بۇزماڭلار“ دەپ، شەرىئەت يوللىرىنى كۆرسىتىپ، پەند-نەسىھەت قىلدى. لېكىن، بۇ ئۇ خىل يولدىن ئازغان يامان نىيەتلىك شەيخلەرنىڭ قارا كۆڭلىگە تەسىر قىلمىدى، قازى كالان بۇ ئەھۋالنى بەدۆلەت ئاللىرىغا ئەرز قىلدى، ئاتالىق غازى ئەرز مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولدى ھەم ئونىڭدىن ”شەرىئەت ۋە مىللەتنىڭ توغرا ۋە پاك ھۆكۈم-يوللىرى بويىچە، بۇ دەۋاگەر كاززاپلارنىڭ جازاسىنى بېرىپ، مۇسۇلمانلارنى بۇ ئالدامچىلارنىڭ كاساپىتىدىن ئامان قىلغايسىزلەر“ دېگەن ئىنايەتنامە كەلدى. قازى كالان بۇ ئىنايەتنامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۇ ئالدامچىلارغا يەتكۈزۈپ، شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى چۈشەندۈرسە، ئۇلار يۇقىرىقى دەۋالىرىدىنمۇ چوق ۋە ئاجايىپ دەۋالاردىن ئېغىز ئېچىپ، ”خۇداۋەندە ئالىمىيان ئۆز ئىرادىسى ۋە تىلىگى بويىچە، ئۆزىنى ياقۇپ بەگنىڭ ۋۇجۇت-شەكلىدە كۆرسەتكەن. ھالبۇكى، بۇ زېمىن يۈزىنىڭ خۇداسى ياقۇپ بەگتۇر. بۇنى سىزلەر بىلىشىڭلار كېرەك. بىزنى ياقۇپ بەگ ئەۋەتكەن، بۇنى ئۆزى بىلىدۇ، مۇبادا بىزنى ئۆلتۈرسەڭلار، بىزنىڭ ھەر بىر قەترە قېنىمىزدىن نەچچە مىڭ قورال-ياراقلىق ئەسكەر تۇغۇلۇپ، يەتتە شەھەرنى، ھەتتا زېمىن يۈزىنى خاراپ ۋە ۋەيران قىلىدۇ. بىزنى سەل چاغلاپ، بىرەر چوڭ بالا-قازاغا مۇپتىلا بولماڭلار“ دەپ يەنە بىسەمەنە دەۋالارنى قىلدى، بۇنى يېزىشقا قەلەم تەۋرەسمەيدۇ ھەم ئېغىز بارمايدۇ-خۇدا ئۆزەڭ پانا بولغايسەن!

ئەھۋال بۇ يەرگە يەتكەندە، ھەممە شەرىئەت ئۆلىمالار بىر نىيەتتە بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، دىن مۇجتەھىدلىرىنىڭ قوللىرى بىلەن، بۇ يالغانچى ئازغۇنلارنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە بۇيرۇپ، ھەممە چوڭ-كىچىك مەمىلىكەت ئەيانلىرى، پۇقرا-خالايىق ھازىر بولۇپ، ئۇلارنى بىر كەڭرى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ، يەرگە بېلىگىچە كۆمۈپ، ئالدى بىلەن قازى كالان، مەزكۇر ھۆكۈم بويىچە تاش ئاتتى، ئاندىن چوڭ-كىچىك ھەممىسىلەن ئۇلارنى ئۆلگىچە تاش-كېسەك قىلىپ يوقىتىپ، بۇ پاكىز زېمىننى ئۇ كاپىر بۇزۇقلارنىڭ يامانلىغىدىن تازىلىدى.

بۇ كۈنلەردە يەنە بىر ۋەقە بەردى، يەنى بۇ چاغدا بىر قانچە سودىگەرلەرگە ھىندىستان تەرەپكە بېرىشقا رۇخسەت بېرىلگەن ئىدى. شۇڭغان قاراچىلىرى يولدا بۇ سودىگەرلەرنى بۇلاپ، ئولجا-ئەسىر قىلغانلىغى خەۋىرى ئاتالىق غازىنىڭ سائادەتلىك قۇلاقلىرىغا ئاڭلاندى. ئونىڭ غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، يەتتە مىڭ لەشكەر تەييارلاپ، ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەر بىلەن ھاجى مىرزا بېشىنى باش قىلىپ، يىگىرمە پەنسەت ۋە ئىشقا يارايدىغان بىر قانچە ئەمىرائىلارنى ھەمرا قىلىپ، ئالتە يۈز تۆگىدە ئاش-ئوزۇق، قورال-ياراق ۋە ئون مىڭ قوي قاتارلىق قورال-جابدۇق، ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن شۇڭغان تەرەپتىكى ئەسقەر ئەلى خان ئۈستىگە يارلىق بىلەن يولغا سالدى. يارلىقتا ”سىزلەر بېرىپ شۇڭغان ئۇلۇغىغا دەپ سودىگەرلەرنىڭ پۇل-ماللىرىنى تامامەن ئېلىپ بېرىڭلار. ئۇ ئەگەر بىزگە ئىتائەت ۋە ئىتائەت قىلسا، ئەھدى-پەيمانلارنى توختىتىپ كېلىڭلار، مۇبادا باش تارتىپ قوبۇل كۆرمىسە، ئۇرۇشۇپ تالان-تاراج، قىرغىن ۋە ئولجا-ئەسىر قىلىڭلار“ دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇلار دەشت-جەزىرىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، مەنزىلمۇ-مەنزىل يۈرۈپ، شۇڭغانغا بېرىپ، ئەسقەر ئەلى خانغا سىياسەت قىلىپ خەت يېزىپ، ئەلچى كىرگۈزدى. ئەسقەر ئەلى خان بۇنى ئاڭلاپ ھوش كاللىسىنى يوقاتتى. سودىگەرلەرنىڭ پۇل-ماللىرىنى تامامەن قايتۇرۇپ، ئۇلارنى خوش ۋە رازى قىلدى. ئاندىن دوستانىلىق رەسمىيەتلىرىنى تۈزۈپ، ئىتائەت ۋە پەرمانغا بوي سۇنۇپ، ئەلچى بىلەن ئەرز-خەت چىقاردى، خەتتە ”بۇ ئىشتىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق، ئونى باشباشتاق پۇقرالار قىلغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ قاتتىق جازاسىنى بېرىپ، ئۆزەم باشلىق ھەممىمىز بۇ نالايىق ئىشلاردىن توۋا قىلدۇق. ئەگەر قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىمەن دېسە، بۇ ياقۇپ بەگ خاننىڭ ئۆز ئىختىيارىدا. ئەگەر، ئىلتىپات قىلىپ، بىزنى قۇل ۋە خىزمەتكار ئورنىدا كۆرۈپ مەرھەمەت قىلسا، مەنكى قېرى قۇل چاكارلىق قىلىمەن.

بۇرۇنلا ئەرز بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇبارەكبادلىق قىلىپ، دوستلۇق ئورنىتىشىم لازىم ۋە زۆرۈر ئىدى. ئەيىپ مەندىن ئۆتۈپتۇ. ھېلىمۇ دوستانىلىق قائىدە-رەسمىيەتلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ئونى قەسەم، ئىمانلار بىلەن مۇستەھكەملىسەك، ئونىڭ ئۈستىگە نومۇس پەردىسى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بىر غۇنچە نەۋ باھارىم بار. بۇنىڭغا ھېچقانداق سەھەر شامىلىنىڭ بوي-پۇراقلىرىمۇ تەگمىگەن، ئونىڭ باغىستان-ئانارىستانىغا ھېچكىممۇ قول ئۇزاتمىغان. ئەگەر جانابى ئاللىنىڭ پاك تەبىئەتلىرى خالايىدىغان بولسا، ئونى قۇل-چۆرىلىرى قاتارىدا تارتۇق قىلسام“ دېگەن بىر قانچە سۆز يېزىلغان ئىدى. ئۇ يەنە ”بۇ ئەرز-خەتنى ياقۇپ خاننىڭ سائادەتلىك قۇلاقلىرىغا ئىزھار قىلىپ قويسىلا“ دەپ ئۆتۈنگەن ئىدى.

ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەر قاتارلىقلار بۇ خەت-ئەرزنى يېتىپ كەلگەن ھامان جانابى غازى ئاللىرىغا ماڭدۇردى. جانابى ئاللىرى خەتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ، خۇرسەنلىك بىلەن ئەسقەر ئەلى خاننىڭ قىزىنى ئۆز ئاياللىرىنىڭ قاتارىغا قوشماقنى ئىختىيار قىلىپ، كېرى جابدۇقلار بىلەن پەنسەت توختى خان ئايىمنى باش قىلىپ ئادەم ماڭدۇردى. ئەسقەر ئەلى خان بىلەن دوستلۇق قائىدە-رەسمىيەتلىرىنى تۈزۈپ، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، نىكا رەسمىيەتلىرىنى ئادا قىلدى. ئوشبۇ ھەيۋە ۋە سۆلەت بانىسى بىلەن كانجۇت ئۇلۇغى سەفىدەر ئەلى خانىمۇ ئىتائەت ۋە ئىناۋەت رىشتىسىنى بوينىغا سالدى. ۋاخاننىڭ ئۇلۇغىمۇ پەرمانبەردارلىق رىشتىنى بەرپا قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئەتراپتىكى كۇھىستان-تاغلىق رايونلارنىڭ ھەممە ئۇلۇغلىرى جانابى ئاللىرىنىڭ قەيىد-ئىتائەتلىرىگە كىردى، يۇرتلارغا ئاراملىق، يوللارغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك پەيدا قىلدى.

بۇنىڭغىچە جەدى پەسلى يېقىنلىشىپ، ”توقسان“ (178) كىرىشكە باشلىدى. جانابى ئاللىرى تەۋەسىدىكى ئەمىرى ھۆكۈمرانلىققا ئىگە بارلىق ۋىلايەت ھاكىملىرى، ئەمەلدارلار، ئىش باشقۇرغۇچىلار، قەدىمقى ئالى دەرىجىلىك خان ۋە خاقان، ئىھتىراملىق پادىشالار، ئۇلۇغ سۇلتانلارنىڭ قائىدە-قانۇنلىرى، يول-رەسمىيەتلىرىنى يېڭىۋاشتىن ئىجرا چۈشۈرۈپ ۋە شۇ بويىچە توقسان تارتۇق قىلىش ھەرىكىتى ۋە تەردەدۇتىغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزىدە بولغان ھەرقانداق نەرسىسىنى جان-دىلى بىلەن تەييار قىلىپ، يەتمىسە ئۈستىگە قەرز ئېلىپ، سوغا-سالام ۋە تۆھپە-تارتۇقلىرىنى تىرىشچانلىق بىلەن راسلاپ، دارىسەلتىنەت كاشغەرگە ماڭدۇردى، جۈملىدىن، خوتەن ھاكىمى نىياز بەگ سەككىز چارەك ساپ ئالتۇن، مىڭ دانە يامبۇ، تۆت يۈز ئات، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈزى ئېگەر-جابدۇقلىرى، ھەتتا قامچىلىرىغىچە مۇكەممەل قىلىپ تەييارلانغان، يەنە ئىككى يۈزى يۈگەن، نوختا، يالپۇش، كۆرپىچىلىرى بىلەن راسلانغان ئىدى. يەنە تۆت يۈز ئاتقا تەييارلىنىپ يۈكلەنگەن سۈلەيسۈن، تۈلكە تېرىسى ۋە پاخلان كۆرپىسىدىن تىكىلگەن مىيانە جۇۋا، شىم، تەلپەك، رۇمچە نىمچە چاپان، تەئۇللا، كىمخاپ، تاۋار، بەقەسەم، شايى، بىنا رەس، ئەدرەس، قارامۇل توق يېشىل رەڭلىك چەكمەن تون، ئالاھىدە رەختتىن ئىشلىنىپ، بوققۇش، يانچۇقلارنىڭىچە بىللە راسلانغان ئىشتان، نەق خۇرۇم، كۆندىن تىكىلگەن ۋە پاكىز پايتىمىلىرىغىچە بىللە راسلانغان ئۆتۈك، يەنە ئالاھىدە نەقىشلەنگەن توققۇز توققۇز چاي چۆگۈنى، توققۇز توققۇز مىس قازان، كېپكۈر، چۆمۈچ، توققۇز توققۇز ئاپتاۋا ۋە چىلاپچىن قاتارلىق قاپ، غىلاپلىرى بىلەن تەييارلانغان بۇيۇملار، لاھۇردا ئىشلەنگەن توققۇز توققۇز چىرايلىق قىرما، ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى بىلەن تەييارلانغان توققۇز توققۇز زىلچە قاتارلىق كۆڭۈلگە ئەرزىيدىغان ھەددى ھېساپسىز تۆھپە-تارتۇقلارنى ئېلىپ كاشغەرگە كېلىپ، ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك كۆز-نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ بىرنەچچە كۈن تۇردى. ئۇ ھەر كۈنى ناشتا ۋاقتىدا بىر توققۇز يامبۇ، بىر توققۇز بوخچا نەپىس بۇيۇملار، ئېگەر-جابدۇقلىرى مۇكەممەل بىر توققۇز ئات ئېلىپ كىرىپ، ئاتالىق غازىغا تازىم-ئېھتىرامىلارنى بىلدۈرۈپ، دۆلەت مۇددىتىلىرىنىڭ مەڭگۈ بولۇشىغا دۇئا قىلىپ، بىللە ئولتۇرۇپ، ناشتا قىلىپ ياناتتى. ھەممە دۆلەت ئەركانلىرى تەھسىن-ئاپىرىن ئوقۇپ، كۆڭلىدە ھەيران بولۇپ بارماقلىرىنى چىشلەيتتى. باشقا ۋىلايەت ھاكىملىرىمۇ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، خۇددى شۇنداق تۆھپە-تارتۇقلىرىنى كېيىنى-كېيىندىن ئېلىپ كېلىپ، ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك نەزەرلىرىدىن ئۆتكەزدى. ئاتالىق غازى ھەممە سەركەردىلىرىدىن خۇرسەن ۋە مىننەتدار بولۇپ، ھەر بىرىگە نەچچە قەۋەت ۋە نەچچە قاتار تون-كىيىم، سەللە، كۇلا، قورال-ياراق ۋە ئالاھىدە نىشان-ئالامەتلەرنى مەرھەمەت قىلىپ، شاھانىلىق كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىغىمۇ تون-كىيىم، خەجلەيدىغان تىللا بېرىپ مېھرىۋان بولۇپ، ھەر بىرىسىنى ئۆز مۇقەررەرگاھلىرىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىپ، تارتۇقلاپ مەمنۇن قىلدى. ئىللاھىم ئونىڭ ئاپتاپ دۆلەتلىرىنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەڭگۈ ۋە دائىم قىلغايسەن-ئامىن!

8

ئاتالىق غازىنىڭ ھەرەمەيىن شەرىپەيىننىڭ خادىمى، مۇسۇلمان مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى، ئىسكەندەر قۇۋۋەت ئابدۇلئەزىزخانغا ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىلىپ ئەرز بىلەن ئەلچى ھەدىيە-سوغا ۋە بەيئەتنامە ئەۋەتكىنى، بۇ يەر يۈزى خەلىپىسىنىڭ نۇرلۇق تەبەسسۈملىرىگە قوبۇل چۈشۈپ، يارلىق، دەرىجە-مەنسەپ ۋە ئالاھىدە تاج ئەۋەتىپ، ئۆز ھىمايەتلىرىگە ئېلىپ، رۇمغا (178) تەۋە قىلغانلىغى ۋەقەلىرى بايانى

تەبىئىتى ساغلام ئەھبابلار، توغرا زېھىنلىك ئەرباپلارنىڭ ئالىجاناب دىللىرىغا رۇشەن ۋە ئاشكارا بولغايىكى، نەقىل-ھېكايە، قىسسە-ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، ئاتالىق غازى يۇرت ھاكىملىرىنى ئۆز يۇرتلىرىغا رۇخسەت بېرىپ ماڭدۇردى. قىش پەسلىنىڭ سوغاق ھاۋاسى ئۆز ۋەتىنى ئەسلىگە ياندى، يېڭى يىل ئۆرۈلدى. باھار كۈنلىرى كەلدى، زېمىن يۈزىدىن گىيا-ئۆسۈملۈكلەر باش كۆتەردى. پاختەك-قۇمرى قۇشلىرى ساداغا كەلدى، خۇش ناۋالىق بۇلبۇللارنىڭ نالە-پىغانلىرى بولسا ئەمدىلا كۆرۈشكەن ئاشىقلارنىڭ دىل ئەينەكلىرىدىكى پىغانلىرىنى قايناتتى. گۈل-رەيھانلار ئېچىلىپ، رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر ئۆزىنىڭ گۈل ئاپتىۋى بىلەن بۇ زېمىن يۈزىنى خۇددى ئونىنچى پەلەكنىڭ يورۇقلۇغىدەك نۇرلاندۇردى ۋە ناھايىتى زور خوشاللىق بېغىشلىدى، مۇشۇنداق ئەيىش-تاماشا ۋە كۆڭۈل شاتلىغى بىلەن، ياراتقان ئاللا دەرگاھى ئەزىز ئۇلۇغقا ھەمدۇ-سانا ۋە چەكسىز شۈكرى-شاتلىقلارنى ئادا قىلىپ، دۇئا پاتىھەلەر بىلەن تەلەپ، ئىلتىجا قىلىپ تۇرغان ھالدا، تاشكەنتلىك ياقۇپ خان قازى تۆرەم ھەرەمەيىن شېرىپ زىيارىتىدىن يېنىپ كاشغەرگە كەلدى، ئاتالىق غازى بىلەن ھەر باپ، ھەر مەسىلە توغرىسىدا سۆز-سۆھبەتلەرنى قىلىشىپ، ئاخىرى جانابى ئالى بەدۆلەتنى زېمىننىڭ خەلىپىسى، ھەرەمەيىن شەرىفەيىننىڭ خادىمى، مۇسۇلمان مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى يەنى ئابدۇلئەزىزخان بىننى ئابدۇلمەجىدخان — خۇدا ئونىڭ مۈلكى ۋە دۆلىتىنى ھەمىشە قىلسۇن — ھۇزۇرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، رۇمغا تەۋە بولۇپ، بوي سۇنۇشقا تەرغىپ ۋە دالالەت قىلدى. جانابى ئاللىرى ياقۇپ خان قازى تۆرەمگە ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن ”ئۆزات مۇسۇلمان مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى تۇرسا، مەن ئونىڭ ئالدىدا قانچىلىك ئادەم؟ قانداق قىلىپ ئونىڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ، سالىمىمنى يەتكۈزەلەيمەن؟“ دەپ نەپىسى سۇنۇقلۇق بىلەن ئۆزرە ئېيىتتى. بۇ ھالدا قازى خان تۆرەم ئەرز قىلىپ ”تاشكەنتنى ئورۇسىيەلەر بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۆلىما پەزىللار، سەيىد كىبىرا-رىسالار ئەمدى بىزگە بۇ يۇرتلار ھارام بولدى دەپ، ئورۇسىيىگە ئىتائەت ۋە ئىنايەت قىلىشتىن باش تارتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەت-شەرىئەت يولىنى جارى قىلىپ ۋە پەيغەمبەرنى تەقلىت قىلىپ، ھىجرەتنى ئىختىيار قىلىشتى. جۈملىدىن مەنمۇ ھىجرەتنى ئىختىيار قىلىپ، ئىككى ھەرەم ئالىيلىرىنىڭ زىيارىتىنى تۈگىتىپ رۇمغا كېلىپ، بىرنەچچە كۈن ئىستىقامەت قىلدىم. بۇ جايدىكى ئەركان ۋە ئەيانلار بىلەن ئۈلپەت ۋە سۆھبەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ پەرغانە ۋىلايىتىنى ئورۇسىيە بېسىۋاپتۇ. لېكىن خاقان ۋىلايىتىلىرىدىكى بىرنەچچە مۇسۇلمان ئىتائەتتىن چىقىپ، ئىسلام ئېچىپ قىلىپتۇ. جانابى خەلىپە ھەزرەت ئاڭلاپ، مەسچىت-مەسچىتلەردىكى بەش ۋاقىت نامازدىن كېيىن شەرق تەرەپتە ئىسلام ئاچقان مۇسۇلمانلارنىڭ راۋاجى ئۈچۈن دۇئا قىلىنسۇن دەپ يارلىق قىلىپ، ئۆزى باشلاپ شەرق تەرەپكە دۇئا قىلىپتۇ. ئىسلام ئېچىپ باشلىق بولغان ئۇلۇغنىڭ ئىسمى-نامىنى ھاجىلاردىن سوراپتۇ، بەزىلەر خوتەنلىك ھاجى پادىشا دەپتۇ، بەزىلەر كۇچارلىق خوجىلارنى خەۋەر قىلىپتۇ، بەزىلەر ئىلى سۇلتانىنى مەلۇم قىلىپتۇ. خەلىپە ئىسلام ئاچقان كىشىنىڭ نەق ئېتىنى بىلەلمەپتۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ پۇشتى-پاناھى بولغان ئوسمانىيە دۆلىتى — رۇم خەلىپىلىگى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدىكى مۇسۇلمانلار باش كۆتۈرۈپ راۋاج تاپسا، ھەر زاماندىكى رۇم خەلىپىلىرى خوشال بولۇپ، ئۇلارنىڭ راۋاجى ئۈچۈن، دۇئا قىلىدىكەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ شىكەستە يەپ مەغلۇپ بولغانلىغىنى ئۇقسا، كۆڭلى يۇمشاپ، غەمكىن بولۇپ، ئوگۇشلۇق تىلەپ دۇئا قىلىدىكەن. ئەتراپىدىكى باش كۆتەرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرقانداق ئىشلىرىنى ئاڭلىسا، ئونى دەپتەرگە ئېلىپ، ئالەمگە ئاشكارا قىلىپ، شۆھرەتكە ئىگە قىلىش بولسا، ھەرقانداق زاماندىكى خەلىپىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەن. بۇ موغۇلىستان يۇرتلىرى جانابىڭىزغا قاراپتۇ. ئۆزىڭىزنى خەلىپىگە مەلۇم قىلىشىڭىز ئەلۋەتتە زۆرۈر ۋە لازىمدۇر“ دەپ مەلۇم قىلدى.

بۇ سۆزلەر سائادەت ئەسەر ۋە دۆلەت يار، بەختى ئوچۇق مۇھەممەت ياقۇپ بەگ غازىغا ماقۇل چۈشۈپ، خاقانى چىنىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئارزۇغا لايىق تۈرلۈك چىرايلىق ۋە پاكىز ماللىرى، تاۋار، دۇردۇن، خۇش پۇيراق چايلار، جانان چىنەلەر، ئالتۇن، كۈمۈش، قالماق ۋە قازاق ئاتلىرى، توققۇز توققۇز پاكىز، دىلخۇشى ئاچقۇچى — خىتاي قىزلىرى، توققۇز توققۇز يېڭى جۇۋان ۋە زىبا بويىلوق ھېجىن غۇلاملىرى قاتارلىق سوغا-سالام ۋە تارتۇق ھەدىيەلەرنى راسلاپ، سائادەتلىك زامان، شەرەپلىك سائەتتە، قازى خان تۆرەمنى باش قىلىپ، خىزمەتكە ئىشەنچلىك مۇلازىملارنى تەيىنلەپ يولغا سالدى. بۇلار مەنزىلمۇ-مەنزىل يۈرۈپ، خۇپ ۋاقىت، كۆڭۈلدىكىدەك سائەتتە رۇم دارىخىلاپەتىگە يېتىپ بېرىپ، مۇسۇلمان مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى، ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئېھتىرام بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئىگە بولدى، سوغا-سالام تارتۇقلىرىنى ئونىڭ ئالى نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەلچىلىك قائىدە-يوسۇنلىرىنى بەجا كەلتۈردى.

مۇسۇلمان مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ھەرەمەيىن شەرىفەيىننىڭ خادىمى، ئاللانىڭ مەڭگۈ بەندىسى ئابدۇلئەزىزخان بۇ سوغا-سالام تارتۇقلار، ئەرز ۋە ئەلچىلەرگە ھەددىدىن زىيادە خۇرسەن ۋە مەمنۇن بولۇپ، قازى خان تۆرەم باشلىق ھەممە مۇلازىملارغا تولۇق ئىززەت ۋە تارتۇق ئابرويلارنى قىلدى. ئۇلارغا نۇرغۇن ئىنئام-ئېھسانلارنى بەخش ۋە ئاتا قىلىپ، بىرنەچچە مۇددەت تۇرغۇزۇپ، زىياپەتلەرنى قىلىپ، قايتىشقا يارلىق قىلدى. ئاتالىق غازى بەدۆلەتكە ”مىراخور باشى“لىق ئەمەل بېرىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى رۇمغا تەۋە قىلىپ، ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئونى كاتتا پادىشالارنىڭ دەرىجىسىدە كۆرۈپ، مەرۋايىت، ئالماس، ياقۇت، گۆھەر تىزىپ كۆز قويىدۇرۇپ بىزىگەن بىر كاتتا ئالتۇن تاج — شاھ ئالى تۇماق ۋە جىببە، ئېتەكلىرىدىن كۆكرەك، ئېتەك ئەتراپىدىن ياقىلىرىغىچە ئالتۇن بىلەن پەردازلىنىپ ئالماس، لەئلى-ياقۇت قاتارلىق قىممەتباھا تاشلار بىلەن قاتار-قاتار كۆز قويۇپ بىزەلگەن رۇمچە نىمچە، ھەممە قاپ، باغلىرى ئالتۇن بىلەن ئالماس، لەئىل-ياقۇت، سۈزۈك گۆھەر، يېشىل زۇمرەت تاشلار بىلەن راسلانغان بىر شاپ قىلىچ، ھەتتا سۈمبۈللىرىگىچە ئالتۇن، كۈمۈش بىلەن راسلانغان ياكى ئالتۇن، كۈمۈش بىلەن سۇۋاد قىلىنغان بىر دانە مىلتىق قاتارلىق نەزەر سالغۇچىلارنىڭ كۆزلىرىنى خىرە، تاماشابىنلارنىڭ نەزەرلىرىنى قامايدۇرغان كۆڭۈلدىكىدەك چىرايلىق نەرسىلەرنى جاھان ئالى ئالەم يارلىغى ۋە شاھانىلىق ئىنايەتنامە بىلەن ئەلچىلەرنى ياندۇردى.

ئەلچىلەر شەرەپلىك دەۋران ۋە گۈزەل زاماندا كاشغەرگە يېتىپ كېلىپ، تۆھپە-ھەدىيەلەرنى جانابى ئاتالىق غازىنىڭ نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزدى. جانابى ئاتالىق غازى گۈل غۇنچە سىغماي ئېچىلغاندەك خۇش بولۇپ، تاجى شاھى-تۇماق ئالىنى دۆلەتلىك بېشىغا قويدى، تون-نىمچە ۋە رۇكنى مۇبارەك ۋۇجۇسىغا كىيىدى، قىلىچ ئالىنى مۇبارەك بېلىگە تاقتى. مىلتىق نايابىنى قوللىرىغا ئېلىپ، رۇم تەرەپكە قاراپ ئەدەپ بىلەن تازىم قىلىپ، دۇئا قىلدى. گۇيا جاھان تاپ-ئاپتاپ بىلەن ئاي، يەتتە تەبەقە ئاسمان يۇلتۇزلىرى ياقۇپ بەگ غازىنىڭ تەن-ۋۇجۇدىدا يالتىراپ جىلۋە قىلغاندەك بولدى. چوڭ-كىچىك ۋە تۆۋەن، ئالى دەرىجىلىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مۇبارەكبادلىق شاۋقۇن ساداسىنى پەلەك گۈمبىزىدىن ئۆتكۈزدى. ئاتالىق غازى نەچچە كۈن توي-تاماشا ئۆتكۈزۈپ ئۆلىما ئەزىزەلەر، ئېھتىراملىق پازىللار، ھۆرمەتلىك سەيىدلەر، ئەمىرى لەشكەرلەر، ئالى دەرىجىلىك ئەسىرلەر ۋە چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلارغا تون-كېچەك بەخش قىلىپ، ھەممىسىنى مەمنۇن ۋە بېنىياز قىلدى. ئاندىن كېيىن ئابدۇلئەزىز خاننىڭ نامىدا تىللا-تەڭگە ۋە چاقا پۇل قۇيدۇرۇپ، ئونىڭ ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى خەلىپە رۇم — دۆلەت ئوسمانىيىنىڭ تەۋەلىگى دەپ ئاتىدى. بۇ ۋاقىت تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1869 - يىلى — ت) ئىدى.

ئەلخىسسە، بۇ ئوسمانىيە سۇلتانلىرىنىڭ ئەسلى نەسەپلىرى ۋە ئۇلۇغ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ نەسەپ ئالى ئىكراملىرىمۇ تۈرك بىننى يافەس بىننى نۇھ ئەلەيھىسسالامغا باغلاندۇ دەپ زىكىر قىلىنىدۇ. تۈرك تايىپىلىرى بولسا باشقا قەبىلىلەردىن كۆپ ھەم شۇجائەت-غەيرەتتە يەكتا، ساخاۋەت ۋە ھىممەتتە تەڭدىشى يوق تايىپىدۇر. بەزى تارىخ كىتابلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسلام شېرىپ يېڭى ئاشكارا بولغان چاغدا، ھەق تائالا فۇرقانى ئەزەمنى (قۇرئاننى — ت) ھىندىستانغا ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۇلار ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، ئونى يەرگە تاشلاپتۇ. ئاندىن تۈركىستانغا ئەۋەتىپتۇ. تۈركلەرنىڭ سەردارى ئونى بېشىدا كۆتۈرۈپ ئۇلۇغلاپتۇ. بىر ۋاقىتتا بۇ خەۋەر پەيغەمبىرىمىزگە يېتىپتۇ. شۇ زاماندىكى ئەۋلىيالارنىڭ بىرى ”ھىندىلار ھەمىشە خار ۋە بى ئېتىۋار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچقانداق شەھەر ۋە سەھرالاردا ئىززىتى بولمايدۇ. تۈركلەر ھەمىشە ئۇلۇغ ۋە دەستى ئۈستۈن، ئەزىز ھەم ھۆرمەتلىك بولۇپ، ھەممە ۋاقىت غالىپ بولىدۇ. ئۇلارغا كىشىلەر كەم دىن-كەم غالىپ بولالايدۇ“ دېگەن گەپنى پەيغەمبەرلىرىدىن چىقارغان ئىدى. ئەۋلىيالارنىڭ سۆزى خۇدانىڭ سۆزىدۇر. ئەۋلىيالارنىڭ سۆزى ھەممە ۋاقىت زاھىر ۋە ئاشكارا بولۇپ كەلگەن.

دۆلەت ئوسمانىيىنىڭ پايتەختى قۇستەنتىنىيە (180) بولسا ناھايىتى ئۇلۇغ، ناھايىتى كەڭرى ۋە ئاجايىپ شەھەردۇر. قۇستەنتىنىيە شەھىرىنى سام بىننى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى قۇستەنتىن دېگەن بىر ئۇلۇغ ئادەم بىنا قىلغان. پۈتۈن يەر يۈزىدە بۇنداق شەھەر يوق. بۇ شەھەر قەدىمقى زاماندا قەيسەرلەر ۋە نىسارىيلەرنىڭ تەختگاھى ۋە تايانچ نىشانگاھى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ۋەھالەنكى، ئالى ئوسمانىيە سۇلتانلىغى دەۋرىدە ”ئىستانبۇل“ دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. دۆلەت ئوسمانىيىسىلەر بولسا قاي خان بىننى كۈن خان بىننى ئوغۇز خان نەسىلىدىندۇر. بەزى تارىخ كىتابلىرىدا ئۇلارنىڭ نەسىلى قايى ۋە قەۋايى ئەۋلادى دەپمۇ يېزىلغان. ئەمما ئوغۇزخان بولسا قاراخاننىڭ ئوغلى، قاراخان بولسا موغۇلخاننىڭ ئوغلى ۋە تۈرك بىننى يافەسنىڭ نەۋرىسىدۇر.

خۇددى ئىلگىرىكى مۇقەددىمىدە زىكىر قىلىنغاندەك، قاراخان كاپىر مۇشرىكتىن ئاللانى بىر دەپ تونۇغان ئوغۇزخان مۇسۇلمان ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ نۇۋەيىسى (تۇغما ئەۋلىيا ئىدى — ت)، بىر يۈز يەتمىش يىل قۇرۇقلۇقنىڭ كۆپ قىسمىغا پادىشاھلىق قىلىپ ئۆتتى. ئونىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى. ھەر ئوغلىغا خۇداۋەندە كېرىم تۆتتىن ئوغۇل ئاتا قىلدى. ھەر بىر ئوغلىغا بىردىن ئات قويدى. نەتىجىدە بۇلار يىگىرمە تۆت شۆبە، يەنى يىگىرمە تۆت شاخ بولدى. ھەر بىر شاخنىڭ بالا-پەرزەنتلىرى بىر قەبىلە، يەنى بىر ئۇرۇق بولۇپ، بىز پەلانى ئۇرۇقدىن بولىمىز دەپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىسمىغا ئۆزىنى نىسبەت قىلدى دەپ ئىما-ئىشارەت قىلغان ئىدۇق.

تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز يىگىرمە ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1225 -يىلى) چىڭگىزخان غەرب تەرەپكە سەپەر قىلغان زاماندا، ئوشبۇ قايى قەبىلىسىنىڭ ئۇلۇغى سۇلايمان شاھ قايى (181) دېگەن ئادەم ئىكەن. ئۇ ئۆزىگە تەۋە ئەللىك مىڭ ئۆيلۈك ئەل-ئۇلۇسىنى كۆچۈرۈپ، فەرات ۋە دەجلە دەريالىرىدىن ئۆتۈپ، رۇم تەرەپكە بېرىپتۇ. سۇلايمان شاھ قايى بۇلارغا بەگ ۋە سەردار بولۇپ تۇرغان چاغلاردا، ئونىڭ ئەسلى يۇرتى تۈركىستاننىڭ ماھان دېگەن يېرىدە ئىدى. ئۇ يۇقىرىقىدەك بالايى ۋەيرانچىلىق ئاپەتلىرىدىن تىنچ ئامان قۇتۇلۇپ ئۆمۈر ئۆتكۈزۈپتۇ. ئونىڭ ئوغلى ئارتۇغرۇل بەگ (182) پەھم-پاراسەتلىك ۋە ئەقىللىق پاكىز ئادەم بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ بەگلىك قىلىپتۇ. ئونىڭ يېشى يۈزگە يېقىنلاشقاندا، ئوغلى ئوسمان بەگ دېگەننى ئورنىغا دەسسىتىپتۇ. بۇ ئوسمان بەگ سۇلتان ئالائىددىن سەلجۇقىنىڭ (183) خىزمىتىنى قىلىپ، نىسارىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، تولا غازاتلارنى قىلىپ، نەچچە شەھەرنى پەتھى قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئالائىددىن سەلجۇقى پادىشا خوش بولۇپ، ئونىڭغا سۇلتانلىق مەنسەپ بېرىپ، ئاش يەيدىغان، ئاتلىنىدىغان ۋە ئاتتىن چۈشىدىغان چاغدا ناغرا چېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ناغرا ئەۋەتكەن ئىكەن. بىر كۈنى ئوسمان سۇلتاننىڭ دەۋازىسىدىن ناغرا ئاۋازى چىقىپتۇ. سۇلتان بۇ نېمە ئاۋاز دەپ سورىغاندا، مۇلازىملىرى پادىشا ئالائىددىن سەلجۇقى نۆۋەت ناغرىسى ئەۋەتىپتۇ، بۇ شۇنىڭ ئاۋازى دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. سۇلتان پادىشاھلىق ناغرىسىنىڭ ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئورنىدىن قوپۇپ ئۈچ قەدەم مېڭىپ، ھەر قەدەمدە بىر تازىم قىلغان ئىكەن. ھالبۇكى، ھەر قاچان نۆۋەت ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈچ قەدەم يۈرۈپ، ئۈچ تازىم قىلىدىغان قائىدە-رەسمىيەت تا بۇ زامانغىچە جارى ۋە باقىدۇر.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بىر قەۋمگە بىر كاتتا ئەمىر باشچىلىق قىلىدىكەن. بۇ ئوسمان بەگ زامانىغا كەلگەندە، سەلجۇقى پادىشالىرىنىڭ دۆلىتى بىرلىككە كېلىپ، قەۋملەرنىڭ تارقاقلىغى تامامەن يېتىپ، ئۇلار ئىسلامى شېرىپنىڭ زۇۋال ۋە زەئىپ بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، جەمھۇر ئەھلى ئىسلام ئەمىرلىگى ھۆكۈمىتىنىڭ تىزگىنىنى ئوسمان سۇلتانغا تاپشۇرۇپ، ھەممىسى ئىتتىپاق بىلەن ئونىڭغا بەيئەت ۋە ئىناۋەت قىلىپتۇ. ئۇ سەلتىنەت تەختىدە ئولتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى تامامەن قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە ”ئوسمانخان“ دەپ لەقەپ قويۇپتۇ. دېمەك، بۇ ئوسمانخان ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ ئەسلى قۇرغۇچىسىدۇر. ئەڭ ئاۋالقى پادىشاھلىق سۇلتان ئوسمانخاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغانلىغى ئۈچۈن، ئونىڭ خاقانلىق ئەۋلادىمۇ ”ئوسمانىيە سۇلتانلىغى“ دەپ ئاتالغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى، ئەۋرەپىلەرنىڭ ئەبجەت ھېسابى بويىچە ”ئوسمانىيە“ يىلىدىن باشلاپ ھېسابلانغان ئىكەن. ئوسمانخانمۇ شۇ يىلدىن باشلاپ ئۆز نامىدا پۇل چىقىرىپ، خۇتبە ئوقۇتۇپتۇ، ئونىڭ دۆلەت سەلتىنەتى كۈندىن-كۈنگە زىيادە بولۇپ، پەتھى-ئۇرۇشلارنى كېڭەيتىپ، نەچچە ۋىلايەتنى قولغا كىرگۈزۈپتۇ. يۇرتدارلىق نىزاملىرى، مەمىلىكەت ئىشلىرى ۋە پۇقراپەرۋەرلىك تۈزۈملىرى توغرىلىق جەمھۇرى دانالارنىڭ مەسلىھەتلىرىنى ئېلىپ، قائىدە ۋە قانۇنلارنى تۈزىتىپ، ماقۇل يول-ئۇسۇلۇپقا سېلىپ، دەستۇرى ئەمەل ئورناتتى. بۇ قائىدە ۋە قانۇنلار، ئونىڭ بۈيۈك ئەۋلادلىرى ئىچىدە تا ھازىرغىچە ھەمىشە جارى قىلىنماقتا. ئوسمانخان توختاتقان بۇ قائىدە ۋە قانۇنلار قىلچىلىكمۇ بۇزۇلماي ۋە ئۆزگەرتىلمەي كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋە نەسەپ-مەرتىۋىلىرى، بايلىق ھەشەمەتلىرى ۋە ئۆز ئالدىغا ھوقۇق-ئىستىقلاللىرى كۈندىن-كۈنگە زىيادە ۋە ئارتۇق بولۇپ كەلمەكتە.

ئوسمانخان تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز ئەللىك بەشىنچى يىلى (مىلادى 1257 - يىلى — ت) دۇنياغا كەلدى. ئالتە يۈز توقسان توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1299 — 1300 - يىلى — ت) تەختكە چىقتى، يىگىرمە يەتتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى، يەتتە يۈز يىگىرمە ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1325 — 1326 - يىلى — ت) ئۇلۇغلۇق ئالىمىگە سەپەر قىلدى، يەتمىش يىل ئۆمۈر كۆردى، ئاندىن كېيىن ئوغلى ئورخان تەختتە ئولتۇردى. ئوتتۇز بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئاندىن كېيىن، ئونىڭ ئوغلى مۇراتخان ئاۋال تەختكە چىقتى، بۇ ناھايىتى باتۇر، شىجائەتلىك، يۈرەكلىك كىشى ئىدى. ئۇ ئۆزىگە ”خۇداۋەندە كار“ (خۇدانىڭ ئىشىنى قىلغۇچى — ت) دەپ لەقەپ قويدى. رۇم سوقۇشىدا شېھىت بولدى. ئاندىن كېيىن سۇلتان بايزە يىلدىرىم تەختتە ئولتۇردى. بۇ ئەمىر تېمۇر بىلەن زامانداش ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن جەڭلەر بولغان ئىدى. بۇ ئەھۋال تارىخ كىتابلىرىغا يېزىلغان. ئاندىن كېيىن، ئوغلى مۇھەممەت خان ئاۋال تەختتە ئولتۇردى، ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئاندىن كېيىن، مۇراتخان سانى تەختكە چىقتى، ئوتتۇز يىل ھۆكۈمران بولدى. ئاندىن كېيىن سۇلتان مۇھەممەت خان سانى تەختكە چىقتى، ئوتتۇز ئۈچ يىل ھۆكۈم سۈردى، ئىستانبۇلنى پەتھى قىلدى ۋە ”مۇھەممەت خان فاتىھ“ دەپ ئاتالدى. ناھايىتى داڭدار ۋە مەشھۇر كىشى ئىدى. ئىستانبۇل بۇ زامانغىچە نىسارىلەرنىڭ تەختى تەسەررۇپىدا ئىدى. ئىستانبۇلنىڭ سۇندۇرۇلۇشى ئەبجەتچە ”بەلدەتەن-تەييىبەتەن“ (185) يىلىدىن باشلاپ ھېسابلاندى. بۇ مۇھەممەت خان فاتىھ بولسا ئۇلۇغ ئوسمانىيلارنىڭ يەتتىنچى سۇلتانى ئىدى.

سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، بۇ ئۇلۇغ دۆلەت-ئوسمانىيە خەلىپىسىنىڭ ئىپتىداسى بولغان ئوسمانخان ئاۋۋەلدىن تا بۇ زاماندىكى ئاللانىڭ بەندىسى، ئىتائەتچىسى ۋە ئېھسانى بولغان سۇلتان ئابدۇلمەجىد خان بىننى ئابدۇلمەجىد خان دەۋرىگىچە جەمئىي ئوتتۇز بىر خەلىپە ئالتە يۈز قىرىق بىر يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، سەلتىنەتتە ئولتۇرۇپ كەلدى. ئىسلام پادىشالىرىدىن بولغان ئۆمەيىيە، ئابباسىيە، سەلجۇقىيە، (186) غەزنەۋىيە، سامانىيە، (187) خۇارەزم شاھىيە، (188) چىغاتايىيە، (189) تېمۇرىيە (190) ئەۋلادلىرى قاتارلىق نۇرغۇن پادىشاھى ئىسلاملار ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ دۆلىتى ئالتە يۈز يىلغا يەتمەپتۇ. چۈنكى، بۇ پادىشالار جەۋرى-زۇلۇم، ئەيشى-ئىشرەتلەرنى كۆپ قىلىپ، نۇرغۇن غەپىلەتكە يۇلۇققان. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ دۆلەت سەلتىنەتلىرى ئىنقىرازغا دۇچار بولۇپ، تېزلا زۇۋاللىققا يېتىپتۇ. لېكىن، ئوسمانىيە سۇلتانلىغىنىڭ ھەممىلا ئەۋلادلىرى ئەھلى سۈننەت (سۈننى — ت) مەزھىپىنىڭ يولىنى تۇتۇپ، خەلىققە پاراۋانلىق ۋە تىنچلىق پەيدا قىلىپ، پۇقراپەرۋەرلىكتە غەپىلەت ۋە سۇسلۇقنى راۋا كۆرمىدى ۋە بۇنىڭغا ئورۇنمۇ بەرمىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرى ئۈزۈن بولۇپ، داۋاملىق راۋاجلىنىپ، شاھەنشاھلىق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولدى. ئاللاھ بۇ دۆلەت سايىسىنى ھەمىشە بارلىق ئەھلى ئىسلامنىڭ بېشىغا تىكلەپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئاياقلىرىنى پۈتۈن دۆلەتلەر ئۈستىدە قويغايسەن! ئىللاھىم ئىسلام سۇلتانلىرىنىڭ قوشۇنلىرىغا ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن نۇسرەت ئاتا قىلغايسەن!

مەقسەتكە كەلسەك، رۇم ئانداق ئۇلۇغ شەھەر كى، ئونىڭ تەرىپىنى قىلىپ، سۈپەتلەپ بايان قىلىشقا ئەقىل-پىكىر يەتمەيدۇ، خۇش قەلەمنىڭ يۈرۈشى ئاجىزلىق قىلىدۇ. رۇم شەھىرىنى رۇم بىننى ئەيىس بىننى ئىسھاق ئەلەيھىسسالام (191) بىنا قىلغان دەپ زىكىر قىلىنىدۇ. رۇم بولسا بىر مەمىلىكەتكە خاس ئىسىم ئەمەس، بەلكى ئۇ نەچچىلىگەن كاتتا ۋە كەڭرى ئۇلۇغ مەمىلىكەت ۋە ئىقلىمدىن تەركىپ تاپقان. شەھەرنىڭ ئەتراپى ئون ئۈچ تاش مىقدارى كېلىدۇ. شەھەرنىڭ ئىچىدە ئالتە يۈز ھەممام بار، توخو، كەكلىك قاتارلىق قۇش بازىرى بىر تاش مىقدارى كېلىدۇ. قالغان ئەھۋالنى بۇنىڭدىن قىياس قىلغايسىزلەر.

دانىشمەن ئەربابلارغا مەخپى قالمىغايىكىم، بۇ تارىخچىدا كاشغەر ۋە ئونىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارنى زىكىر قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە قۇستەنتىيە زىكىرى ۋە ياخشى سۈپەتلىك نەسەپ دانالارنىڭ ئەھۋالنىمۇ بايان قىلىشنى توغرا تاپتۇق. بۇنداق قىلىشتىكى مۇددىئا ۋە غەرەز شۇكى، يەر يۈزىنى ۋە ئىقلىملارنى ئۆلچەپ، تەھقىق ۋە تەپتىش قىلغۇچى قەدىمقى ھۆكۈمالار، رۇم ۋە قۇستەنتىيە قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئالتىنچى ئىقلىم (192) جۈملىسىدىن دەپ ھېسابلاپ، يەتتە سەييارە ئىچىدىكى ئاتارىد (مېركۇرى — ت) سەييارىسىگە نىسبەت قىلىپتۇ. ئالتىنچى ئىقلىمدا بولسا قۇتۇپنىڭ ئىگىزلىگى قىرىق بەش دەرىجە ۋە ئونىڭ تۆتتىن بىرىسىدە دەپ ھېسابلاپتۇ. قۇستەنتىيە بىلەن موغۇلىستان شەھەرلىرى ۋە ئونىڭ ئەتراپى بۇ ئىقلىمغا تەۋە. ئادەملىرىنىڭ رەڭگى-رۇيى، خۇي-پېئىلى، كېچە-كۈندۈز سائەتلىرىنىڭ ئۆزۈن قىسقىلىغى بىرىدەك-ئوخشاش ئىكەن. شۇنداقلا بۇ موغۇلىستان شەھەرلىرىدىن بولغان كاشغەر ئەتراپى بولسا، رۇم خاقانى ئەزەملىرى ۋە شاھەنشاھى مۇئەززەملىرىنىڭ ئەمىر-ئىتائەت ۋە ھىمايەلىرىگە كىرگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، رۇم ۋە قۇستەنتىيە زىكىرىنى بۇ ۋاراقچىغا كىرگۈزۈش لازىم بولدى.

بۇ كۈنلەردە يەنە بىر ۋەقە يۈز بەردى، يەنى بۇ كۈنلەردە ئورۇسىيە ئىقلىمى ئاق پادىشادىن ئەلچى كەلدى. ئاتالىق غازى بۇلارنىڭ ئىززەت-ئىكراملىرىنى قىلىپ، ئوبدان ئۇزاتتى. بۇ ئەلچىلەرنىڭ كېلىشىدىكى مەقسىتى شۇكى، ئۇلار ئاتالىق غازى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ھەتتا ئۆزىگە ئىتائەت ۋە پەرمانبەردار قىلىپ، بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتىگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئاق پادىشادىن نەچچە قېتىم ئەلچى كەلدى، ئوبدان خىزمىتىنى قىلىپ، جاۋاپ بېرىپ قايتۇردى. ئۇلار يەنە خۇددى مەسچىت ھېلىسىنى يەنە تەكرارلاپى بېلىق بانىسى بىلەن فەرغانە ۋىلايىتىگە ئىگە بولغىلى بولامدېكىن دېگەن مەقسەتنى ئويلىغان ئىدى. ئاتالىق غازى ئۇلارغا زادى سىر بەرمىدى. بەلكى ئۇلارنى كىشىلەرگىمۇ كۆرۈشتۈرمەي، ناھايىتى ئېھتىيات-مەخپىيلىك بىلەن يولغا سالدى.

يەنە بۇ ئارىلىقتا فەرەڭ (194) مەلىكىسى فۇرسەت ساكىپ (195) دېگەن بىر ئەلچى ئەۋەتتى ۋە ئاتالىق غازى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى پەيدا قىلىپ خەت يازدى. خەتتە ”باشقا دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق قىلماي، بىزگە دوستلۇق قىلسىلا، ئەگەر قورال-ياراق ۋە ئەسكەر لازىم بولسا كاشغەردە بىر كونسۇل بىلەن ئون، يىگىرمە مىڭ قوراللىق ئەسكەر توختاتسام، ئەگەر دۈشمەن غەلىبە قىلماقچى بولسا، يەنە كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، ھىمايەت ۋە ئىنايەت يەتكۈزسەم، ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتىنى تەڭ تۆلىسەك، شۇنداق قىلىپ ئاتمىش يىل ئۆتسە، ئاتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە شەھەرنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسىلە، ئاندىن بىز سورىساق، شۇ چاغدىمۇ ئەۋلات-نەۋرىلىرىگە تەربىيە ۋە شەپقەتلىرىمىزنى ئايىمايمىز، بۇ ھەقتە ئانت-ئىمان ۋە ئەھدى-پەيمانلىرىمىزنى قاتتىق شەرتلەر بىلەن مۇستەھكەم قىلساق“ دېگەن مەزمۇنلار يېزىلغان ئىدى. ئەلچى يېتىپ كېلىپ، ئەلچىلىك قائىدە-رەسمىيەتلىرىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاتالىق غازى ئوبدان خىزمەت ۋە ياخشى زىياپەتلەرنى قىلىپ، بىرنەچچە كۈن مېھمان قىلدى ۋە لېكىننىڭ بۇ مۇددىئالارنى ماقۇل كۆرمەي، سىلىق سۆزلەر ۋە ئاشكارا گەپلەر بىلەن دوستلۇق قائىدە-قانۇنلىرىنى بەرپا قىلىپ، خەت ۋە ئەرز بىلەن ئەلچىلەرنى يولغا سالدى.

بىر تەرەپتىن ئاق پادىشا ئەلچى ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتىدىن تاما تۇتقان، يەنە بىر تەرەپتىن مەلىكە كونسۇل بىلەن ئەسكەر توختىتىپ ئىنايەت قىلسام دەپ خەت يېزىپ، ئەلچى ئەۋەتكەن كۈنلەردە، فەغفۇرچىنى بۇ قەدىمقى مۈلكىنى يوقلاپ تېپىپ ئالماق ئۈچۈن چىرىك ماڭدۇرۇپتۇ دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى. بۇ چاغدا ئاتالىق غازى دۆلەت ئەركانلىرى ۋە سەلتىنەت ئەئىيانلىرىغا ”ياخشى مەسلىھەت شۇكى، ئۇ شاھەنشاھ، يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرى بولغان دۆلەت ئوسمانىيە خىزمەت ئاللىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئەرز مەلۇم قىلسام، بىر پادىشا بىلەن يىگىرمە-ئوتتۇز مىڭ ئەسكەر ئەۋەتسە، يەتتە شەھەرنى ئۇلۇغ ئوسمانىيە دۆلىتىگە تاپشۇرۇپ، بۇ ئۇلۇغ شاھەنشاھنىڭ ئۆزىنى يېگەن كىچىك بىر خىزمەتچىسى بولۇپ، ئونىڭ پەلەك ئاستانە بارگاھىنىڭ بۈسۈغىسىنى كۆزۈمگە سۈرمە تۇتىيا قىلىپ سۈرۈپ، ھەرەمەيىن شېرىپنىڭ زىيارىتىگە مۇيەسسەر بولسام دېگەن نىيەت ۋە ئارزۇدىن باشقىنى دىلىمغا سىغدۇرالمايمەن. ئەگەر ۋاقىت پۇرسەت تۇغدۇرسا ئوشبۇ مۇراتىمغا يەتسەم دەيمەن“ دېگەندە، ھەممە دۆلەت ئەركانلىرى ۋە سەلتىنەت ئەئىيانلىرى ”تولا ئوبدان بولىدۇ“ دەپ رازى بولۇپ، ئاپىرىن ئوقۇدى. بۇ چاغدا يېجىن تەرەپتىن خۇددى قارا چۆمۈلىدەك نۇرغۇن قارا چىرىكلەرنىڭ قارىسى قامۇلدا كۆرۈندى دېگەن خەۋەر ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئاتالىق غازى قادىر ئاللانىڭ ئىرادە ۋە تەقدىرى بىلەن تۇرپانغا ئاتلاندى. ئوسمانىيە دۆلىتىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇرات ۋە تەلەپلىرىگە يېتىشكە پۇرسەت بولمىدى. بۇنداق ئالى دەرىجىگە ئىگە بولغان ئاتالىق غازى بولسا ساھىبى ئىختىيارلارنىڭ تىزگىن ئىختىيارى، قازا ۋە تەقدىر بارگاھىنىڭ مۇقەددەسلىكى ئالدىدا ئاجىزلىق قىلىپ يوق بولدى. ھەممىگە ئاللا تائالا ئۆزى قادىر ۋەسالام!

9

ئۈرۈمچى تۇڭگانلىرىنىڭ كورلا، كۇچار ئەھلىنى ئۆز يۇرتىدىن بەجا قىلىشى، جانابى بەدۆلەت غازى ئاتالىقنىڭ زەپەر قىياپەت قوشۇنلار بىلەن شەرقىي تەرەپكە ۋە تۇڭگانلار ئۇرۇشىغا بەل باغلاپ ئات چاپتۇرغىنى ۋە مۇرات باغچىلىرىدىن مەقسەت گۈللىرىنى مۇرات ۋە مەقسىتىدەك ئۆزگىنى ۋە باشقا ھادىسىلەرنىڭ بايانى

ھەممەقەدەم يارەن ۋە زاتلار، ياخشى سۈپەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ خاس دىل مەۋجۇدىيەتلىرىگە رۇشەن ۋە ھېكايە بولغايىكى، زامان خەۋەرلىرىنى نەقىل قىلغۇچى ئەخبارلارنىڭ قىسسە ۋە ئەپسانىلىرىگە قارىغاندا، جانابى ئاتالىق غازىنىڭ دۆلەت ئىقباللىرى كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىپ يۈكسەلدى. دۆلەت سەلتىنەتتە گۇيا ئىككىنچى ئەمىر تېمۇر كوراگانى بولدى. شۇنداق قىلىپ يىل ئۆرۈلۈپ، باھار كۈنلىرى كەلدى. سەۋر پەسلىنىڭ ئاخىرى ئىدى. ئۈشتۈمتۈت تۇرپان تەرەپتىن ئۆزى يەنشەي، لەنشەي يەنشەي دېگەن ئۈرۈمچى تۇڭگانلىرى سەن تۆر، مەن چاپاي دېگەن يىگىرمە مىڭ تۇڭگانغا باش بولۇپ كېلىپ، كورلا تەۋەسىدە نامايان بولدى. بۇ چاغ تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1870 - يىلى — ت) ئىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاتالىق غازى مىر بابا دادخۇا، ھاجى مىرزا بېشىنى كورلىغا بۇيرۇپ، ھاجى مىرزىنى كورلىدا بىر زاكاتخانا سېلىشقا، مىربابا دادخۇانى ئوششاق تالدەك بىر يەرگە چوڭ قاراۋۇلخانا بىنا قىلىشقا تەيىنلەپ، بۇ جايدا قاراۋۇل بېگى بىلەن يىگىتلەرنى توختىتىپ، تۇڭگانلار بىلەن پاسىل ئايرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. لېكىن، ئەۋەتكەن يىگىتلەر، ئازلىق قىلىپ، تۇڭگانلار بىلەن باراۋەرلىك قىلالماي، كورلا بېگى ھاجى بەگ باشلىق ھەممىسىلا كۇچارغا قېچىپ كېلىپ، بۇ ۋەھشىمەت خەۋەرنى خۇددى بىرىنچى ئاسماندا تېز يۈرۈپ سەيىر قىلىدىغان ئايىدەك بىر ئىلدام يۈرۈشلۈك ئەرزچى ئارقىلىق گۇمانى ئاسمان-پەلەكتەك بارگاھىغا يولغا سېلىپ، ئاتالىق غازىغا مەلۇم قىلدى. بۇ خەۋەر يېتىپ بارغان ھامان ئاتالىق غازى ھېكىم خان تۆرەمنى ئىككى مىڭ لەشكىرى بىلەن تۇڭگانلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا يارلىق چۈشۈردى. ئۇ يارلىقنى كۆرۈش بىلەنلا ئاقسۇنى مىرزا بابابەگ زاكاتچى بىلەن مۇھەممەت سەيىد قور بېشىغا تاپشۇرۇپ، يىگىت، سەرۋاز، توپ، زەمبىرەكلەرنى ئېلىپ، كۇچار شەھىرىدىن بىر پوتەي مىقدارى قارا ياغاچ دېگەن يەردە تۇڭگانلار بىلەن ئۇچراشتى. ئارىدا جەڭ باشلىنىپ، ئاتالىق يىگىتلەر بىر تەرەپ، سەرۋاز جانۋازلار بىر تەرەپ بولۇپ، ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ شۇلىسى ئۆرلەپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ئۈشتۈمتۈت ئاتالىق يىگىتلەر قاچتى. سەرۋاز جانۋازلار بىر باغنىڭ ئىچىگە كىرىپ، پاناھاپ ئوق ئېتىپ، تۇڭگانلارنى يېقىن كەلتۈرمەي تۇرغان چاغدا، ئۇلارنىڭ دورىلىرى تۈگەپ نائىلاج بولدى. تەرەپ-تەرەپتىن تۇڭگانلار ھۇجۇم قىلىپ، بۇلارنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ نابۇت قىلىپ، كۇچار شەھىرىنى بېسىۋالدى. نەتىجىدە ئىككى مىڭغا يېقىن يىگىت، سەرۋاز زىيان بولدى. ھېكىم خان تۆرەم، ئىسھاق تۆرەم باشلىق ئاتالىق يىگىتلەر قېچىپ ئاقسۇغا كېلەلمەي، باي تەۋەسىدە تۇرۇپ قالدى. بۇ چاغدا نۇرغۇن كۇچار ئەھلى بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، يولتۇز باغ، مۇقۇر يولى بىلەن ئاقسۇغا كەلدى. ئاقسۇدا يىگىت، سەرۋازلار قالمىغان ئىدى. مىرزا بابابەگ زاكاتچى ئاقسۇدىكى ياقا-يۇرتلاردىن كەلگەن مۇساپىر بايلار ۋە سودىگەر بەچچىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، قورال-ياراق بېرىپ، يىگىتلەر قاتارىدا كېچە-كۈندۈز شەھەرنى ساقلاپ، يۇرتتىن خەۋەر ئالدى. كۇچاردىن قېچىپ كەلگەن بىھۇدە ۋە باشقا نىيەتتىكى ئادەملەردىن خەۋەردار بولۇپ، نەچچىسىنى نەزەربەنت قىلدى. ئاقسۇ ئىچىمۇ سەراسىمىگە چۈشتى. شۇ ئاندا بىرىسى ”ئاقسۇدىكى تۇڭگانلاردىن كۆپ خەۋەر ئېلىش كېرەك، بىر ئىش پەيدا قىلىپ قويمىسۇن“ دېدى. مىرزا بابابەگ زاكاتچى يىگىتلەرنى بۇيرۇپ، ”ھەرقانداق جايدىكى تۇڭگانلارنى تۇتۇپ كېلىڭلار“ دەپ چىقاردى. بۇلار بېرىپ تىنچ-ئامان ئۆز ھۈنەر-كەسىپلىرىنى قىلىپ تۇرغان ۋە ئۆز تېرىكچىلىگى بىلەن سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئون توققۇز گۇناسىز تۇڭگانىنى تۇتۇپ كېلىپ قاماپ قويدى. تەكشۈرۈپ كۆرسە، بۇلار تىنچ تۇڭگانلار ئىكەن. ئەمدى سۇلاپ قويۇپ يەنە قويۇپ بېرىشتىن ئېھتىيات قىلدى، تۇتۇپ كەلمىسەك بولۇپتىكەن دەپ پۇشايمان قىلدى. شۇنداق بولسىمۇ ئېھتىيات ئۈچۈن كاشغەرگە ئەۋەتىپ، تىنچ تۇڭگانلار ئىكەن دەپ ئەرز بەرسەك دېگەننى ماقۇل كۆرۈپ، ئۇلارنى ئىككى ھارۋىغا سېلىپ، ئىككى يىگىت قوشۇپ كاشغەرگە ماڭدۇردى. بۇ ۋاقىتتا جانابى ئاتالىق غازى كاشغەردىن ئاتلىنىپ يولغا چىققان كۈنلىرى ئىكەن. ئاتالىق غازىنىڭ غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، قارا قاچىن دېگەن جايغا كەلگەندە، بۇلار يېتىپ بېرىپ دۇئا قىلىپتۇ.

ئاتالىق غازى ”بۇ نېمە تۇڭگانلار ئىكەن“ دەپ سورىغاندا، ”ئاقسۇدىكى زاكاتچى قۇللىرى ئەۋەتتى“ دەپ ئەرزنى تۇتۇپ بەرگىچە، بىر ھارۋىدىكىلەرنى يولنىڭ بۇ تەرىپىگە، يەنە بىر ھارۋىدىكىلەرنى يولنىڭ ئۇ تەرىپىگە تارتىپ ”بۇلارنى سويۇپ تاشلا“ دەپ جاللاتقا پەرمان قىلىپتۇ ۋە ئون توققۇز بىگۇنا تۇڭگانىنى سويۇپ تاشلاپتۇ. ئەرزنى كۆرمەپتۇ، ھەتتا قولىغىمۇ ئالماپتۇ. بۇ ھېكايىنى قىسقىچە بايان قىلىشتىكى مەقسەت بولسا پادىشاھنىڭ غەزەپ ئوتىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەي يارەن ئەزىزلەر، ئەلەھزەر-ئەلھەزەر. پادىشاھنىڭ غەزىپىدىن بەس قىلىپ پانا تىلىمەكلىك بولسا، ئەلۋەتتە، مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

بۇ كۈنلەردە ئىچىدە تۇڭگانلار كۇچاردا توققۇز كۈن تۇرۇپ، بۇلاڭ-تالاڭچىلىقتىن ئىبارەت مۇسۇلمانچىلىق دائىرىسىدىن تاشقىرى بولغان قەباھەت ئىشلارنى ئۆزلىرىگە راۋا دەپ بىلىپ، كېچىدىلا تۇرپانغا قاراپ چىقىپ كېتىپتۇ، كورلىدىمۇ شۇنداق بۇلاڭ-تالاڭ، بەلكى ئونىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىشلارنى قىلىپ، بۇ يەردىنمۇ تۇتۇپ كېتىپتۇ دېگەن خەۋەر كەلدى، بۇ چاغدا ئاتالىق غازى مارالۋېشىنىڭ ھاكىمى دەۋرۈش مىراخور بېشىنى يىگىتلىرى بىلەن ھېكىم خان تۆرەمنىڭ كېيىنىدىن ياردەمگە ئەۋەتكەن ئىدى. ھېكىم خان تۆرەم بىلەن ئىسھاق تۆرەم ۋە مارالۋېشىنىڭ ھاكىمى باشلىق يىگىتلەر كۇچارغا بېرىپ، ئاۋات بولغان يىگىتلەرنى دەپنە قىلدۇرۇپ كۇچاردا تۇردى. بۇ ئەسنادا جانابى شەھىرى يارى ئاتالىق غازى لەشكەرى قىيامەت ئەسەرلەر بىلەن كېلىپ، ئاقسۇدىكى سارىيىغا چۈشتى ۋە تۇڭگانلارنىڭ يېنىپ كەتكەنلىگىنى ئاڭلاپ غەزەپ ئوتلىرى خېلى پەسەيدى. لېكىن، مۇسۇلمانلارنىڭ مال-جانلىرىغا ئېچى ئاغرىپ ناھايىتى خاپا بولدى. ئاقسۇلىق شەمىسدىن ئەلەم ئاخۇنۇم ئوغلى باھاۋىدىن ئاخۇن ۋە ھادى خەلىپەم، مۇھەممەت خوجا خېتىپ ئاخۇن، موللا ئەيسا ئاخۇنلارنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ قەشقىرگە ھەيدىدى. ئاقسۇنى موللا جىنيەن مىرزا بېشىغا مەرھەمەت قىلىپ، ئاقسۇدا كاتتا ئوردا بىنا قىلىشقا پەرمان بەردى. بۇ جايدا ئون كۈندەك تۇرۇپ، ئەمىرى لەشكەرلەرنى قىل قۇيرۇق قىلىپ ماڭدۇرۇپ، كېيىنىدىن غەلىبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويۇپ كۇچارغا باردى. ھېكىم خان تۆرەمگە كايىپ، تۇرپانغا بىللە ئېلىپ ماڭدى، ھەمدەم باتۇر بېشى، مىر بابا دادخۇالارغا كايىپ مەخپى يوقاتتى. بۇلارنىڭ نەگە بارغانلىغىنى ۋە نېمە بولغانلىغىنى كىشى كۆرمىدى ۋە بىلمىدى.

ئاندىن جانابى ئاللىرى سەككىز ئەمىرى لەشكەرگە سەككىزدىن پەنسەت ۋە ھەر بىر پەنسەتكە بەشتىن يۈز بېشى تەيىن قىلىپ، ئۆزىگە خاس مەھرەم، ياساۋۇللار بولۇپ دەپتەرگە ئېلىنغان يىگىرمە بەش مىڭ يىگىت، سەرۋاز جانۋاز قاتارلىق مۇكەممەل قوراللانغان تەييارلار بىلەن راۋان بولدى. قوشچى، پىلتىرچى، بازارچىلار بۇ ھېساب دەپتىرىدىن تاشقىرى ئىدى ھەر بىر ئەمىرى لەشكەرنىڭ شېنى گۇيا پادىشاھى ئەززەمەلەرگە ئوخشايتتى، پەنسەتلەرنىڭ سۆلىتى بولسا گۇيا ھاكىمى ۋىلايەتلەردىن زىيادە ئىدى، قالغان سۆلەت، ھەشەمەتلىرى بولسا ئۆز ئورنىدا زىكىر قىلىندى. بۇلارنىڭ كېيىنىدىن بىر پەنسەت ئارىلىغى مىقدارى قوربېشى، جاللاتلار ۋە مۇرشاپ غەزەپخۇۋالار بىلەن نەچچە ھارۋا گۇناكارنى ماڭدۇردى. بۇ گۇناكارلارنىڭ بەزىلىرى بوينىغا غول-زەنجىر بېكىتىلگەن، بەزىلىرى تۆمۈر ھالقا بىلەن ھارۋىغا باغلانغان، بەزىلىرى ھارۋا ئىچىدە مۇستەھكەم ئىشقال بىلەن بەنت قىلىنغان ئىدى. ھارۋىلار بولسا تۆمۈر سىم بىلەن تورلانغان بولۇپ، ئەتراپىدا ئايپالتا ۋە كىچىك پالتىلارنى دىۋەيلەپ كۆتەرگەن جاللاتلار ھازىر ئىدى. يەنە بىر پەنسەت ئارىلىغى مىقدارى بەگگە، قەلەندەر-دىۋانە، باقارچىلار توپ-توپ بولۇپ، ئەلەم، بايراقلارنى كۆتۈرۈپ، نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلارنىڭ كېيىنىدىن پىيادە ياكى ئاتلىق يۈرۈپ، چۈشكەن مەنزىللەردە دائىم چەت-ياقا جايلارغا چۈشۈپ، ھەر ئەتىگەندە قوشۇنلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئارىلاپ ”خۇدا ھەققى بىر نەرسە بېرىڭلار“ دەپ تىلەمچىلىك قىلىپ، نەزىر-سەدىقىلىرى بولسا ئېلىپ، ئۆز قارارگاھلىرىغا قايتىپ، ئاقساقال-بوۋىلىرىنىڭ ئەمىرى ئىتائىتىدە تۇراتتى. جانابى ئاللىرى كىيىم تارقاتقان چاغدا، بۇلارغىمۇ جەندە، كۇلا، تەڭگە، تىللالارنى بەخش قىلىپ، ئۆز لايىغىدا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، ئۇلارنى خوش ۋە مىننەتدار قىلار ئىدى. ئەمما بۇلار نۇسرەت قىياپەتلىك ۋە ھېساب-ھۆكۈمدىن خالى ئىدى. باشقا نۇسرەت قىياپەتلىك ئەسكەرلەرنىڭ سۆلەت ۋە ھەشەمەتلىرىنى بۇنىڭدىن قىياس قىلىپ مۇلاھىزە قىلغايسىزلەر.

ئاتالىق غازى چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىدىغان جايغا ئىككى كۈن ئىلگىرىلا رەستە-بازار قىلدۇرۇپ، گۆش، ياغ، گۈرۈچ، بوغۇز، نان-توقاچ، ئوت، ئوتۇن ۋە ھەر خىل كۆكتات، مېۋە، ھالۋا، يەل-يېمىش، قەنتەلەت، ھەر خىل مەجۈن، مۇراببا، خۇش كەيىپ دورىلار قاتارلىق شەھەردە تېپىلمايدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈپ، قوشۇن بازارلىرىدا تەييار قىلدۇرۇپ تۇراتتى، مەيلى كۆل، يۇرتلار ئىچى ياكى چۆل ۋە تاغلاردىمۇ بۇ ئەھۋال ھامان مۇشۇنداق بولۇپ تۇراتتى. ھەر زامان ۋە ھەرقانداق سەپەرگە ئاتلانسا، بىللە ماڭىدىغان ئەللىك ھارۋىدا تىللا، ئاق تەڭگە، كۈمۈش ۋە يەنە ئەللىك ھارۋىدا قىزىل پۇل، چاقا پۇل، ئىككى يۈز نار تۆگىدە ھەر خىل خاس تون، جۇۋا، شىم، تەلپەك ۋە ئۆتۈك، ئىككى يۈز تۆگىدە مۇكەممەل ئېگەر، توقۇم قاتارلىق ئات جابدۇقلىرى، بەش يۈزى مۇكەممەل ئېگەر، جابدۇقلار بىلەن تەييارلانغان ۋە بەش يۈزى يالپۇش، كۆرپىچىلەر بىلەن راسلانغان يايداق ئات، جەمئىي مىڭ ئاتنى بىللە ئېلىپ ماڭاتتى، ھەر بىر ئاتنى بىر قۇل يېتىلەپ ماڭاتتى، بۇ ئاتلارنى ئېتى ئۆلۈپ پىيادە قالغان يىگىتلەرگە ئىنئام قىلاتتى. ئۆزىگە خاس نەچچە ھارۋىدا بۇرداق-سېمىز قازاق ۋە ھىسارى قويلىرى، نەچچە ھارۋىدا توخو، تۇخۇم، نەچچە ھارۋىدا قوي يېغى، سۇ يېغى نەچچە ھارۋىدا كۆلال تونۇر، نەچچە ھارۋىدا كەتمەن، پالتا، چوت، چىراق، شامدان ۋە نەچچە ھارۋىدا چوڭ-كىچىك سۈپۈرگە ھازىر ئىدى. چوڭ تۇغلۇق ئەمىرى لەشكەر، پەنسەتلەرنىڭ بولۇپ جەمئىي بەش يۈزدىن زىيادە سۇچى-مىشقىچىلار مەشىلىلەرگە سۇ تولدۇرۇپ، ئاتلىق كۆتۈرۈپ يۈرەر ئىدى. مەيلى كۆلدە بولسۇن ياكى چۆلدە بولسۇن ۋە سۇ-دەريالىق مەھەللىلەردە بولسۇن، ياكى بىر جايدا تۇرغاندا ياكى سەپەردە بولسۇن، مەشىلىرىدىن زادى سۇ كەم بولمايتتى. بارگاھ ئالدىرىنى قاچان ۋە قەيەرگە تىككەن بولسۇن، ئاشقان سۇلارنى بارگاھ ئالدىغا سېپەر ئىدى، يەنە تۆت مىڭ ياكى بەش مىڭ قوي، سېغىن ئىنەك، موزاي، توپاقلارنى بىللە ئېلىپ ماڭاتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە چوقلار باشلىق ھەممە يىگىتلەرنىڭ ئالدىغا يېڭى قايماق بىلەن ناشتىلىق شىرە چاي، يۇمشاق ۋە ئىسسىق نان، گۈلچە توقاچ، قەنت، لەززەتلىك ھالۋا، رىشالە، تەمى شېرىن شۇيلا، شۇۋاگۈرۈچ قاتارلىق تائاملار بىلەن پاكىز، خۇش پۇراق چايلارنى ئېلىپ چىقاتتى. ئاش قىلىدىغان بورچىخانىلىرى ئىككى قاتاردىن بولۇپ، ھەر كۈنى بىر قاتارغا نۆۋەت كېلەتتى. ھەر بىر مەنزىلگە يەتكەندە ئاشپەز-تەبباخلىرى نەچچە كاتتا قازاندا گۈرۈچ ئاش ۋە سۇيۇق ئاشلارنى تەييارلاپ تۇراتتى. ھازىر بولغان چوڭ-كىچىك ئەمىرى لەشكەرلەر، ئەمىرائىيلەر، پەنسەت، ياساۋۇل، مەھرەم قاتارلىقلارغا بارغان ھامان تەڭ-باراۋەر ئاش تارتاتتى.

جانابى ئاللىنىڭ دەستۇرخانلىرى شۇ قەدەر كەڭ ئىدىكى، قاغا، پاختەك، قۇشقاچ قاتارلىق ياۋايى ئۇچار جانۋارلارغىمۇ تۇرغاندا ۋە سەپەردە بېرىدىغان بىر توققۇز تاۋاق ئاشلىرى بار ئىدى، بۇنىڭغا نەچچە مەھرەم ۋە ياساۋۇللار مەسئۇل ئىدى. ھەر كۈنلۈگى يىگىتلەرگە ئاش تارتقاندا، تاۋاقلارغا ئاش ئۇسۇپ، ئۈستىگە گۆش قويۇپ، پارچە-پارچە توغراپ، جانابى ئاللىرىنىڭ كۆزى ئالدىدا، ئوردا ئالى سەھنىلىرىدە ياكى بارگاھ ئالدىدا قويۇپ بېرەتتى. ئاشقا ياكى قولغا كۆنگەن قاغا، پاختەكلەر تاما قىلىپ سايراپ بولۇپ، ئۇلۇغ مەرھەمەتلىك ياراتقۇچى ۋە رىزقى بەرگۈچى مۇقەددەس ئاللا دەرگاھىغا ئۆز تىللىرى بىلەن تەشەككۈر ۋە مەدھىيىلىرىنى ئوقۇپ، ئاندىن ئۇچۇپ كېتەر ئىدى. بۇلارغا ھېچقانداق ئادەم دەخلى قىلىپ تېگىشمەيتتى. دېمەك، جانابى ئاللىنىڭ دەستۇرخان ۋە تۈرلۈك نېمەتلىرىدىن بۇ خىل مەخلۇق-جاندارلارمۇ پايدا كۆرۈپ، بەھرىمەن بولۇپ، نائۈمىت ۋە نامەھرۇم قالمايتتى. جانابى ئاللىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاشخانىلىرىغا ھەر كۈنلۈگى ئاتمىش چارەك گۈرۈچ سەرپ قىلاتتى. ھەر بىر ئەمىرى لەشكەر پەنسەتلەرنىڭ بورچىخانىلىرىغىمۇ ئەنە شۇنداق ئالاھىدە خىراجەتلەر سەرپ قىلىناتتى. ھاكىملار يۇرتى ۋە ۋىلايەتلەردىن ھەر كۈنلۈگى ئىككى، ئۈچ يۈز ئېشەكتە گۈرۈچ، تۆت يۈز ياكى بەش يۈز ئات ھارۋىدا ئون، بوغۇز كەم بولماي ۋە ئۈزۈلمەي يېتىپ كېلىپ تۇراتتى.

شۇنداق قىلىپ، سائادەت ئاسار، دۆلەت يار ۋە پەلەك قىياپەتلىك مۇھەممەت ياقۇپ بەگ غازى ئەنە شۇنداق داغدۇغا ۋە ھەشەمەت بىلەن مەنزىلمۇ-مەنزىل يۈرۈپ، مۇبارەك بارگاھىنى كۇچار تەختگاھى ئۈستىگە تىكىلدى. ئۆز پەزىلەت ۋە ھۆرمەت ئىگىسى بولغان جانابى مۇھەممەت ئەنھەزەرەت ئەلەيھىسسالاۋات زامانىدىن بۇ زامانىغىچە بولغان ئارىلىقتا، بۇ موغۇلىستان يۇرتىدا ئىسلام ئاچقان پادىشالار، مۇھەممەت ياقۇپ بەگ غازىدەك سۆلەت ۋە ھەشەمەت بىلەن جەمىيەت پەيدا قىلىپ، بۇ يولدا ماڭغانلىغىنى ھېچ زاماندا بىرەر ئىنساننىڭ قۇلىغى ئاڭلىمىغان ياكى كۆزى كۆرمىگەن ئىدى. ئاتالىق غازى كۇچاردىن ئىسھاق خوجامنى تەئەللۇقاتلىرى بىلەن كۆچۈرۈپ، ياركەنتكە ئەۋەتىپ، شاغاۋۇل دادخۇاغا تاپشۇرۇپ، ئايلىق ۋە يىللىق مائاش-ۋەزىپە تەيىنلىدى. توختى ئىشىك ئاغا بېگىنىمۇ ئورنىدىن ئېلىپ، يەككە يىگىت قاتارىدا قىلىپ قويدى، كۇچارنى نار مۇھەممەت پەرۋانچىغا مەرھەمەت قىلدى. ئاندىن كۇچاردىن ئاتلىنىپ، كورلىنى مەقام مەنزىل قىلىپ، نىياز مۇھەممەت توقسا بېيىنى كورلىغا ھاكىم قىلدى. بۇ شاتلىق ئۈستىگە پاراكەندىلىك پەيدا بولغان زاماندا، كورلا، كۇچاردا بۇلاڭ-تالاڭغا يۇلۇقۇپ، پۇل-ماللىرىدىن ئاجىراپ، پەقىر ۋە يوقسۇللۇق كوچىلىرىغا كىرىپ قالغان، ھەيران ۋە سەرگەردان مۇجاۋۇر-مۇساپىر سودىگەر بايلار يىغلاپ-يىغلاپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، ئەرز-ھالىنى مەلۇم قىلدى. ئاتالىق غازى مەرھەمەت قىلىپ، بەزىلىرىگە تون-كېچەك، بەزىلىرىگە پۇل، تىللا ئاتا قىلىپ، ”سىزلەرگە ۋابال بولغانلىغىنى ئاڭلاپ بىلدىم، ئەمدى پۇلۇڭلارنى غەزىنىدىن بېرىسەم، دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار، مىرزا چىقىرىمەن، دەسمايە پۇلۇڭلارنى راستى بىلەن خەتلەپ بېرىڭلار، شۇنىڭغا قاراپ پۇل بېرىمەن“ دەپ يارلىق ئالى چۈشۈرۈپ، زەينۇلئابىدىن مەخزۇم مىرزا بېشىنى چىقاردى. بەزىلىرى راستىنى خەتلەيتتى، بەزىلىرى بولسا بىرنى ئون قىلىپ كۆرسىتەتتى، جانابى غازى بەدۆلەت پاراسەت نۇرى بىلەن ئۇلارنىڭ يالغان ۋە خىيانەت قىلغانلىغىنى پەملەپ ”تۇرپان پەتھى بولغاندىن كېيىن بېرىمىز، دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار“ دەپ ئىلتىپات قىلدى، گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، تۇرپان ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆلىمايى ئىسلاملاردىن پەتىۋا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى دۆلەتخانىغا ئالغا تاپشۇرغان زاكاتلىرىنىڭ سانىغا قاراپ، پەتىۋا بويىچە پۇل بەردى.

ئەلخىسسە، جانابى ئالى بەدۆلەت ئوششاق تالدىن يۈرۈپ قارا چىغقا بارغاندا، ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەرنى پەنسەتلەرى بىلەن يىلانلىق يولى ئارقىلىق توخسۇنغا بۇيرۇدى. ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەرنى پەنسەت ۋە يىگىتلىرى بىلەن ئايغىر بۇلاق يولى ئارقىلىق توخسۇنغا يارلىق قىلدى. ھەر ئىككى ئەمىرى لەشكەر ئىككى تەرەپتىن تەڭ باراۋەر توخسۇندىكى تۇڭگانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، جەڭ-جېدەللەرنى قىلىپ، غەلىبە بىلەن توخسۇننى قولغا كىرگۈزدى. بۇ يەردە ئىككى مىڭچە تۇڭگانى بار ئىكەن. ئىككى يۈزچىسى جېنىنى جايلاپ تۇرپانغا قاچتى، قالغانلىرى تىغ سىياسىتىدىن ئۆتتى. شۇ ھالدا جانابى ئالى تۇرپانغا بېرىپ، بارگاھى ئالىيلىرىنى دادۇك دېگەن جايغا تىكىلدى، ئىككى كۈندىن كېيىن، تۇرپان شەھىرىدىن يەمشى دېگەن جايغا ئالتە مىڭ تۇڭگانى چىقىپ ئۇرۇش قىلدى، قاتتىق جەڭلەر بولدى. ئاخىرى تۇڭگانلار قاتتىق جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، ئاز بىر قىسمى ئۆزىنى شەھەرگە ئالدى، قالغانلىرى بولسا تىغ سىياسەت ۋە غەزەپ قەھرىيەت بىلەن يوق بولدى. دادۇك دېگەن جاي بولسا شامال-بۇراننىڭ كان-مەدىنى ئىكەن. بۇ جايدا تۇرغىلى بولماي، چېدىر-بارگاھلىرىنى يار دېگەن مەنزىلگە تىكتى. ھۆسنى ئۈستىگە گۈزەللىك قوشۇلغان مۇنداق بىر چاغدا، ئۇرۇمچىدىكى داۋۇد خەلىپە يەنى لورىن جا دېگەننىڭ ئون يەتتە مىڭ نامدار تۇڭگانلىرى تۇرپاندىكى تۇڭگانلارغا يار-مەدەت بولۇش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، تۆت كۈندىن كېيىن، يېتىپ كەلدى. بۇنىڭدىن تۇرپاندىكى تۇڭگانلارمۇ خەۋەردار ئىكەن. نەتىجىدە سەككىز مىڭ تۇڭگانى شەھەردىن چىقىپ قارشىنى كۆرسىتىپ، ئاتالىق غازىنىڭ نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلىرىنى ئىككى تەرەپتىن ئوتتۇرىغا ئالماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەر بىلەن ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەر ئىككى تەرەپكە تەڭ باراۋەر جەڭگە چىقتى. باشقا ئەمىرى لەشكەر ۋە پەنسەتلەرنىڭ ھەر بىرىمۇ ھەر تەرەپتە رۇستەمى داستان (196) ۋە سام (197) نەرمانىدىن (198) زىيادە باتۇرلۇق ۋە جاسارەتلىك كۆرسەتتى. ئاقىۋەت ئۇرۇشنىڭ غەلىبە ئىشىگى نۇسرەت قىياپەت قوشۇنلار تەرەپكە ئېچىلدى. تۇڭگانلارنىڭ ئاز قىسمى جېنىنى ئۆز يۇرتىغا ئالدى، قالغانلىرى بولسا ئولجا-ئەسىر چۈشۈپ، كەتسە كەلمەسنىڭ راۋان بولدى.

ئاندىن كېيىن، ئاتالىق غازى چېدىر-بارگاھ ۋە ئۆي-ياتاقلىرىنى تۇرپان شەھىرىگە بەش يول مەنزىلى مىقدارى بىر يەرگە تىكىپ، ئەتراپىغا خەندەك، سېپىل، قۇختا، دەۋازىلار ۋە پوتەيلەرنى سالدۇرۇپ مۇستەھكەملەپ، بىر قوشۇن شەھىرى پەيدا قىلدى. ھەممە چوڭ كىچىك ئەمەلدارلار، يىگىت، سەرۋازلارنى سېپىلنىڭ ئىچىگە ئالدى، ھەر كېچىدە بىر پەنسەت بەش يۈز يىگىتى بىلەن نۆۋەتلىشىپ بۇ شەھەرنى چۆرىدەپ ساقلىق (ساقچىلىق — ت) ۋە پاسبانلىق قىلىدىغان بولدى. بازارچىلاردىن بىر مۇنچىسى بۇ شەھەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا قار، يامغۇر، شامال، شۇۋۇرغان، ئىسسىق ۋە سوغاقلاردىن پانا بولغۇدەك جاي-ماكان تەييارلىدى. لېكىن تۇرپان شەھىرى ئېلىنماي، مۇھاسىرىسى ئۇزۇنغا سۇزۇلدى. ھەر ھەپتە ئون كۈندە نۇرغۇن تۇڭگانلار شەھەردىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىپ، باراۋەرلىك قىلالماي يەنە شەھەرگە كىرىپ كېتەتتى. بۇ چاغدا لۇكچۈن تۇڭگانلىرى گەپىنى بىر قىلىپ، ئىتائەتتىن چىقىپ، جەڭ-مۇھارىبىگە تەييارلاندى. ئاتالىق غازى ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەر ۋە ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەرلەرنى تەۋە يىگىتى بىلەن لۇكچۈنگە بۇيرۇدى. بۇلار يېتىپ بېرىپ، ئۇرۇش-جەڭلەرنى قىلىپ، لۇكچۈننى غەلىبە بىلەن قولغا كىرگۈزۈپ، تېخى ئەمدىلا غىزا-تاماقتقا قول ئۇزىتىپ تۇرغاندا، ھايال بولماي دەرھال يېتىپ كېلىڭلار دېگەن ئىنايەتنامە ئالى كەلدى. بۇلار كەلگەن ئىزىدىن يەنە ئون ئىككى مىڭ تۇڭگانى كەلگەن ئىكەن. ئەمىرى لەشكەرلەر كەلگەن ھامان ئۇرۇشقا كىرىشتى. ئاخىرى بۇ تۇڭگانلارنىمۇ ئوتتۇرىدىن كۆتۈرۈپ، ئاللا دەرگاھىغا شۈكرى-سانالارنى بەجا كەلتۈرۈپ تۇرغان كۈنلەردە، ئەمىرى لەشكەر ئاۋغان خەيىر مۇھەممەت توپچىدار جانابى ئاللىدىن يۈز ئۇرۇپ، تۇڭگانلار شەھىرىگە قېچىپ كىرىپ كەتتى، تۇڭگانلارنى قورقماي ۋە ئەيمەنمەي جەڭ-جېدەلگە تەرغىپ كۈشكۈرتۈپ، تولا ھەرىكەتلەرنى قىلدى. بىر كېچىدە خەيىر مۇھەممەت نۇرغۇن تۇڭگانىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ قوشۇن شەھىرىگە چىقتى، بەزىلىرى قوشۇن شەھىرىگە كىردى، بەزىلىرى سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقتى. بۇ ئىشتىن جامدار دادخۇا خەۋەردار بولۇپ، ئالدىراشلىقتا توپ، زەمبىرەكلەرگە ئاق تەڭگە، چاقا پۇللارنى سېلىپ بىر مۇنچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر مۇنچىسىنى قولغا تىرىك چۈشۈرۈپ يوق قىلدى، خەيىر مۇھەممەت توپچىدار زەخمىدار بولۇپ ئۆزىنى تۇڭگانلار ئىچىگە ئالدى. سەرەنجام بولغاندىن كېيىن سەرھېساب قىلىپ كۆرسە، ئىراۋۇلچى يىگىتلەردىن پەقەت يىگىرمە-ئوتتۇزلا ئوخلاپ قالغان يېرىدە ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. باشقىلىرى كېلىپ توپقا قوشۇلۇپتۇ. باشقا زىيان-زەخمەت بولماپتۇ.

جانابى ئالى مېھرىۋانلىق بىلەن جامدار دادخۇادىن ”بۇ قورقۇنچلۇق ۋەقەدىن قانداق يىگىت خەۋەر تېپىپ ئاگاھ قىلدى“ دەپ سورىغاندا، ئۇ “ئىككى ئاۋغان يىگىتى ئاگاھ قىلدى” دەپ مەلۇم قىلدى. مەزكۇر ئىككى ئاۋغان يىگىتىدىن “قانداق خەۋەر تېپىپ خەۋەر بېرىدىڭلار” دەپ سورىغاندا، ئۇلار “گۇنايىمىزنى ئەپۇ قىلىسلا، ئاندىن مەلۇم قىلساق” دېدى. ئاتالىق غازى “ئەپۇ قىلدىم” دەپ ئىلتىپات كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇلار “بىز بەك تارتماقچى بولۇپ، ئوت ئىزدىشىپ چېدىرلارغا باردۇق، ئوت تاپالماي يېنىپ كېلىۋېتىپ غەيرى مۇخالىپ ئادەملەرنى كۆردۇق - دە، جامىدار دادخۋانى ئاگاھ قىلدۇق” دەپ مەلۇم قىلدى. ئاتالىق غازى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەك - نەشە چەككەن ئادەمنى كۆرسە ئازاپ - ئەلەم قىلاتتى، ھەقتا يوق قىلاتتى. بۇ كۈندىن باشلاپ بەك - نەشىگە چېكىشكە ئىجازەت بەردى. چۈنكى، بەكگىلەر بەك خۇمارىدا ئۇخلىمايدىكەن. ئاتالىق غازى مەرھەمەت ئەيلەپ ئىككى ئاۋغاننى توپچىلارغا يۈز بېشى قىلىپ، ئالاھىدە ئات جابدۇغى، زەر باسقان تون، ئالاھىدە چېدىر قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىپ، يارلىق بىلەن ئورنىنى كۆتەردى.

شۇ كېچىسى ئاجايىپ بىر كېچە بولغان ئىدىكى، جانابى ئاتالىق غازى باشلىق ھەممە قوشۇنلارغا ئۇيقۇ لەشكىرى غالىبلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇيغۇ ۋە ھەرىكەتلىرىنى تالان - تاراج قىلىپ، قوشۇنلارنى ئوتتۇرىدىن كۆتۈرۈپ پاراكەندە قىلىشقا تاسلا قالغان بىر كېچە ئىكەن. لېكىن بۇلارنى خۇداۋەندەكېرىم ئۆز مۇھاپىزىتى ئىچىدە ساقلاپتۇ. شۇڭلاشقا، ھەممىسى قەدەر ئەۋەل نەزىر - سەدىقىلەرنى بېرىپ، ئاللانىڭ ئۇلۇغلۇغىغا شۈكۈرى سانالارنى ئادا قىلىشتى. ئاندىن كېيىن تۇرپاننىڭ چۆڭلىرىدىن ئابدۇلقاھار بەك، خوجا ئابدۇللا بەكلەر ئۆز غەللە مەھسۇلاتلىرىدىن كېرى ئاق، قارا ئاشلىقلارنى غەلىبە قىياپەت قوشۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، كۆپ خىزمەتلەرنى قىلدى ۋە جانابى ئالىينىڭ مۇبارەك نەزەرلىرىدىن ئۆتۈپ، بۈيۈك يارلىق ئاللىرىغا بەھرىمەن ۋە مەمنۇن بولۇپ كۆتۈرۈلدى.

گەپنىڭ ھاسىلی، تۇرپان شەھىرى تولۇق توققۇز ئاي مۇھاسىرىدە ياتتى، ھېچ پەتەھى مۇيەسسەر بولمايتتى، تۇڭگانلارمۇ قامالدا قېلىپ كۆپ تەڭلىك تارتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا بىر نىيەت بىلەن كاتتا خانىقالىرىغا جەم بولۇپ، يېڭىۋاشتىن ئەھدى - پەيمانلارنى مەھكەم قىلىپ، ئاللاغا توۋا قىلىپ يالۋۇرۇپ، جان - دىلى بىلەن ئاتالىق غازىنىڭ نۇسرەت قىياپەت قوشۇنلىرىغا ئۆزلىرىنى پەۋاندەك ئۇرماقچى بولۇپ، مەسلىھەتلىشىپ تۇرغاندا، جامىدار دادخۋا تۇرپاندا قويۇدۇرغان بىر كاتتا بام توپنى سىناپ كۆرمەك ئۈچۈن، ئوق سېلىپ، بىر ئەتكىنىلىكى تۇڭگان شەھىرىگە قارىتىپ ئاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ چاچما ئوقىمۇ رەسمىي بىر قازاندەك بىر ئىكەن. بۇ چاچما ئوق بېرىپ، تۇڭگانلار مەسلىھەتلىشىپ تۇرغان خانىقا ئىچىگە چۈشۈپ، يېرىلىپ يەنە نەچچە پارچە بولۇپ نۇرغۇن تۇڭگانىنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىپتۇ، بەزىلىرىنى زەخمىدار قىلىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ تۇڭگانلارنىڭ كۆڭلىگە ئالەمى غايىپتىن قورقۇنچ ھەم ۋەھشەت زىلزىلىسى چۈشۈپ، بۇ لاۋ پادىشا ئۇلۇغ كىشى ئىكەن، بىزنىڭ يامان نىيەت قىلغىنىمىزنى بىلىپ، بىزگە ئوق ئاتتى دەپ ئەندىشە قىلىپ، ئەمدى بولمىدى، ئامانلىق تىلەپ كىشى چىقىرىپ ئىتائەت ۋە بەيئەت قىلايلى دەپ مەسلىھەتلىشىپ، مۇددىئا ۋە غەرەزلىرىنى بىر - بىرىلەپ بايان ۋە ئىزھار قىلىپ، بوي سۇنۇپ، باش ئەگمەكچى بولۇپ ئەلچى چىقاردى. جانابى ئالى ئۇلارنىڭ ئىلتىجا ۋە ئىلتىماسلىرىنى ماقۇل كۆرۈپ قوبۇل تۇتۇپ، مەرھەمەت قىلدى. تۇڭگانلارنىڭ ئۇلۇغى سۇ يەنشەي باشلىق ھەممە تۇڭگانى قورال - ياراقلىرىنى بوينىغا ئېسىپ، گۇمانى پەلەك بارگاھىغا ئۆزلىرىنى تاشلىدى. مۇلازىم ۋە دۆلەتخۋالارنى ئېلىپ كېلىپ، دۆلەت ئاللىرىنىڭ كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئىگە بولدى. ئاتالىق غازى سۇ يەنشەي باشلىق ھەممە تۇڭگانىنى مېھمان قىلىپ، زىياپەت بېرىپ، تون - كېچەكلىرىنى ئىنئام قىلىپ، ھەممىسىنى خاتىرجەم قىلىپ، پەرمانبەردار قىلدى.

گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ئاتالىق غازى ئەنە شۇنداق يوللار بىلەن مەقسەتكە يېتىپ، تۇرپان شەھىرىنى بوي سۇندۇردى. ھېكىم خان تۆرەمنى مۇستەقىل ھاكىم قىلىپ مەرھەمەت قىلدى، ھەيدەر قۇلى پانسەتنى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ بەردى، تۇرپانلىق خوجا ئابدۇللا بەكنى سەركار، قازى سۇرخ ئاب بېيىنى قازى كالان قىلىپ، يارلىق - نىشانلار بىلەن بېكىتتى. ئاندىن تۇرپان ئىشلىرىدىن خاتىرجەم بولۇپ، ئەۋۋەلقى داستاندا بايان قىلىنغان سايراملىق مەسۇم خان خوجام ۋە تۇرپانغا ھاكىم بولغان ۋەيىد خەلپىلەر تۇڭگانلار ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇلارغا كۆپ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، كۆپ يىگىتلەرنى زىيانغا ئۇچراتقان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇلارغا كايىپ، گۇناكار قىلىپ، مەسۇمخان تۆرەمنى كورلىدا يوق قىلدى. ۋەيىد خەلپىنى باي ھاكىمى ئەخمەت بەككە ئەۋەتىپ، بارغان ھامان ئۆز قولۇڭ بىلەن سويغىن دەپ ئىنايەتنامە ئالى ئەۋەتتى. بۇ ئالى ئەمىر بويىچە ئەخمەت بەك ۋەيىدنى ئۆز قولى بىلەن سويدى. لېكىن ئەخمەت بەك كېچىسى ۋەيىد قولىغا پىچاق ئېلىپ قوغلاپ يۈرگەن بىر چۈش كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ، يەتتە كۈن يېتىپ ئۆلدى. ئاغىچىسى نىيازخان باي، سايرامنى ئالتە ئاي سۈردى. ئاندىن كېيىن باي، سايرامنى مۇھەممەت ئىمىن توقسابقىغا ئىنايەت قىلدى - ۋەسالام.

10

ئاتالىق غازى بەدۆلەتنىڭ ئۈرۈمچى تەرەپكە ئاتلىنىپ پەتەڭگە مۇيەسسەر بولۇشى، نەنسەندىكى خىتايلار ئۇلۇغى شى - شى گۇڭنىڭ (199)، ئىتائەت ۋە ئىتائەت قىلىشى ھەم تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ بۈيۈك غەلىبىگە ئىگە بولۇشى، ئۇنىڭ ئىززەت - ئىكرام تامامىدىن كېيىن ئۆز تەختىگاھىغا قايتىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

قۇدرەتلىك ئەزىز يارەنلەر ۋە لەززەت تەمىنى بىلىدىغان بۇرادەرلەرنىڭ يەقىن ئالى كۆڭۈللىرىگە رۇشەن ۋە ئىزھار بولغايكى، بۇنداق قىسسە ۋە ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، ئو شەھرىيار ئاتالىق غازى تۇرپان ۋە لۈكچۈن غازاتلىرىدىن خاتىرجەم بولۇپ، بۇ جايدا ئون ئاي مىقدارى ئىستىقامەت قىلدى. بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى لورىن جا يەنى داۋۇد خەلپە دېگەن ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تەۋە تۇڭگانلار ئىچىدە، گۇيا بىر شانی - شەۋكەتلىك ئۇلۇغ پادىشا بەلكى مۇستەقىل خانلاردەك ئورۇنغا ئىگە بولدى. ئۇ نەچچە قېتىم لەشكەر ئەۋەتىپ جەڭ - مۇھارىبە قىلدى، بەزىدە ئاشناچىلىق يىپىنى باغلاپ خەت - ئالاقە ۋە بېرىش - كېلىشلەرنى قىلىپ تۇردى. بۇ چاغدا جانابى ئاتالىق غازى ئەزەم پانسەتكە يەنە تۆت پانسەتنى قوشۇپ، بىر مىڭ بەش يۈز يىگىت بىلەن ئۈرۈمچىدىكى داۋۇد خەلپىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن ئىدى. داۋۇد خەلپە بۇنى ئاڭلاپ، ئالدىغا كىشى چىقىرىپ، ئىززەت - ئىكراملىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ، كېچى قوشقۇن - قونالغۇ چىقىرىپ، ئوبدان خاتىرجەم قىلدى. لېكىن، ناماز شام بولغاندا، نۇرغۇن تۇڭگانىنى ئەۋەتىپ بوشاڭغۇ ۋە بىپەرۋالىق بىلەن تۇرغان يىگىتلەرگە بىرلا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن يىگىتنى يوق قىلدى. مەزكۇر پانسەتلەر تۆت يۈزچە يىگىتى بىلەن جېنىنى جايىلاپ، ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك بارگاھىغا ئۆزىنى ئالدى.

شۇنداقلا بۇ چاغدا، ئۈرۈمچى بىلەن يۇلتۇز ئارىسىدىكى نەنسەن دېگەن جايدا ئون مىڭ ئۆيلۈكتىن كۆپرەك خىتاي بار ئىدى. بۇلار ئىسھاق خوجامنىڭ قىرغىنچىلىغىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلاردىن ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغىنى شى - شى گۇڭ دەپ ئاتايدى. بۇلار تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، بەزىدە غالىپ بولۇپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ يۈرگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ جانابى ئالى بەدۆلەتنىڭ تۇرپان ئەتراپىغا كەلگەنلىكىنى ۋە تۇڭگانلارنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلغانلىغىنى ئاڭلاپ، ئىنسى ماشويەنى ھەمرا قىلىپ، تولۇق قوراللانغان ئىككى مىڭ بەش يۈز خىتاي لەشكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ، جانابى ئالىنىڭ ھىمايەتلىرىگە ئۆزىنى تاشلاپ، سەككىز مىڭ قوي، سەككىز يۈز ئات، سەككىز يۈز كالا ۋە نەچچە يۈز قوي ھەم تۆگىگە يۈكلەنگەن ئاش - ئوزۇق، يامبۇ، كۈمۈش، چىنى تاۋار ۋە خۇش بوي پاكىز چايلارنى تارتۇق قىلىپ، راسلاپ كەلگەن ئىدى. ئاتالىق غازى بۇ خىتايلارغا ھەدددىن ئارتۇق ئىلتىپاتلارنى كۆرسىتىپ، ئىنئام - ئېھسانلارنى قىلدى. شى - شى گۇڭ بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، ئىنسى ماشويەنى بىر مىڭ بەش يۈز خىتاي بىلەن خىزمەت قىلسۇن دەپ تاشلاپ، ئۆزى بىر مىڭ ئادىمى بىلەن نەنسەنگە ياندى. بۇ خىتايلار تۇرپاندىكى تۇڭگانلار بىلەن بولغان جەڭلەردە كۆپ مۇۋاپىق خىزمەت كۆرسەتتى.

ئاقىۋەت جانابى ئالى ئۈرۈمچىگە ئاتلىنىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدى. جانابى ئالى تۇرپاننى پەتەھى قىلىپ، ئۇرۇمچىغا ئاتلانغانى بولسا، زادىلا ھېساب ۋە ئېتىۋارغا كىرمەيدىغانلىغىنى كۈنى نۇرلۇق پاراسەتلىرى بىلەن سېزىپ، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن يەتتىنچى يىلى ماھى رەجەپنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى (مىلادى 1870 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى - ت)، يەنى قەۋس پەسلىدە ئۈرۈمچىگە ئاتلاندى. ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەرنى چاپاۋۇل قىلىپ ئىلگىرى ماڭدۇردى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆزى غەلىبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويۇپ ئۇرۇشقا ماڭدى. داۋانچى تۇڭگانلىرى تارتۇق ھەدىيە بىلەن ئالدىغا چىقىپ ئىتائەت ۋە ئىتائەت قىلىپ، ئامانلىق دۆلەت شەرابىتگە ئىگە بولدى، ئاندىن ئۈرۈمچى تەۋەسىنىڭ چېتىدىكى بىر تاغنىڭ ئاغزىدىن ئۈرۈمچىگە سۇ كىرىدىغان جايغا ئورۇنلاشقان دەقيانۇس (200) شەھىرى دېگەن جايغا ئورۇنلىشىپ، سېپىل، خەندەكلەرنى بىنا قىلىپ ياتتى. بۇ يەر ئۈرۈمچىگە ئوتتۇز يول مىقدارى بار ئىدى. ئەھما بەھەمەن (شەمىسىيە 11 - ئاي - ت) ئايلىرىدىكى قىشنىڭ سوغاق شىددەتلىرى ۋە قار - شىۋىرغانلارنىڭ قاتتىق سوغاقلىرى يىگىتلەرنىڭ ھالىنى خاراپ ۋە زەئىپلەشتۈرۈشكە باشلىدى. بىرمۇنچە بازارچى، پېلتىرچى ئۆلدى. بۇ چاغدا شى - شى گۇڭ نەچچە يۈز ھارۋىدا تاشكۆمۈر يەتكۈزۈپ بېرىپ، كۆپ خىزمەت كۆرسەتتى. شۇنداق قىلىپ يىگىرمە يەتتە كۈن ئۆتتى. ئۈشتۈمتۈت لورىنجانىڭ يارلىغى بىلەن ئاتمىش مىڭ تۇڭگانى كېچىلىك ھۇجۇم باشلاشقا تەييارلىنىپ، ناماز شام مەھەللىدە غەلىبە قىياپەت قوشۇنلارغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ چاغدا ھاۋا بۇزۇلدى، قار ياغدى، شىۋىرغان قوزغالدى، تون - كېچىسىمۇ خۇددى تۇڭگانلارنىڭ كۆڭلىدەك قارا ۋە قاراڭغۇ بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن تۇڭگانى قوشۇنلىرىنىڭ ئارىلىغىدا بىر تاش مىقدارى كېلىدىغان تاغ - ئىدىر بار ئىدى. بىر مۇنچە تۇڭگانى بۇ تاغ ئېغىزىغا كىرىپ قالدى ۋە يەنە بىر مۇنچىسى ئىدىرغا كىرىپ قېلىپ يول تاپالماي، ھەيران ۋە سەرگەردان بولدى. گەپنىڭ ھاسىلی شۇكى، بۇلار ئۈرۈمچىدىن ئۈچ بۆلەك ۋە ياكى تۆت بۆلەك بولۇپ چىققان ئىكەن. ئوتتۇز يول مىقدارى يەرگە كېچىسى ئۆزۈن بولغان بۇنداق بىر كېچىدىمۇ يېتىپ بارالماپتۇ. بەلكى بۇ خالىس خۇداۋەندەكېرىمنىڭ ئولۇغ رەھمى - مەرھەمىتى بولسا كېرەك. جانابى ئالى ئاتالىق غازى ناماز بامدات ئاداسىدىن كېيىن قاراپ باقسا، تاغ ئۈستىدە ئەلەم، بايراقلار نامايان بولۇپتۇ. ھەممىسى بىردەكلا ئاتلىنىپ، بۇلار بىلەن يۈزمۇ - يۈز ئۇرۇش قىلىپ تۇرغاندا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەلەم، بايراق كۆرۈنۈپتۇ، بۇلار بىلەنمۇ جەڭ قىلىپ، ئۇرۇش ئوتىنىڭ شولىسى ئۆرلەپ تۇرغاندا، تۇڭگانلار يەنە بىر تەرەپتىن ئەلەم - بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپتۇ. ئارىدا ناھايىتى قاتتىق ۋە كۆڭۈل دائىرىلىك جەڭلەر بولۇپ، ئۈشتۈمتۈت تۇڭگانلار ئاتالىق غازىنىڭ سەربازلىرىغا غالىبلىق قىلىپ كەينىگە قاچۇردى.

بۇ چاغدا جانابى ئالى بىلەن ئون ئالتە مىڭ ئەسكەر ھەمرا ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا جەڭگاھتا ئۇرۇش قىلماقتا ئىدى. ئاتالىق غازىنىڭ يېنىدا مەھرەم، ياساۋۇللار بولۇپ پەقەت ئۈچ يۈزچە يىگىت قالغان ئىدى. ئۇنىڭ قېشىدا يەنە بىر مەزگىل جانابى ئالىنىڭ پەرمانى بويىچە، نىسار مەسۇم ھەزرىتىم تۇرپانغا ئاپىرىپ، دۇئا قىلدۇرۇپ، ئىلتىپاتلار كۆرسىتىپ يەككە يىگىتلەر قاتارىدا كىرىپ، ئەمدىلا نەزەرىيەتچىلىكتىن نىجات تاپقان مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىمۇ بار ئىدى. جانابى ئالى سەربازلىرىنىڭ قېچىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىگە قاراپ، “بۇ قاچقان سەربازلارنى ئۇرۇڭ، ئۆلتۈرۈڭ، چېپىڭ” دەپ ئالى پەرمان قىلدى. سەردارلارنى بېرىپ بەش - ئالتە سەربازنى چاپتى. بۇنى كۆرگەن سەربازلارنىڭ كەينىگە يېنىپ بېرىپ تۇڭگانلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۆزىگە تەۋە مەھرەم، ياساۋۇللارنىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن يولغا سالدى، ئۆزىمۇ ئۈستىگە بېرىپ قاراپ تۇردى. شۇنداق قاتتىق جەڭ بولدىكى، بۇنىڭغا تەرىپ ۋە بايان ئاجىزلىق قىلىدۇ. تۇڭگانلارنىڭ كۆپ قىسمى پىيادە ئىكەن، سوغاق شىددەتلىرىدىن ئەھۋالى خارابلىققا يۈزلەنگەنىدى، نەچچىسى مۇزلاپمۇ قالدى. لېكىن ئىگىز بىر تاغ بار ئىكەن، تۇڭگانلار مەزكۇرتاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئوق ئاتقىلى تۇردى. يىگىت، سەربازلار بولسا پەستە تۇرۇپ ئوق ئاتاتتى. تۇڭگانلارنىڭ ئولۇكلىرى يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قاراپ يۇمۇلاپ - يۇمۇلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. يىگىت، سەربازلار تۇڭگانلارنىڭ ئۆلۈكىنى ئۆزلىرىگە دالدا ۋە قوقنە قىلىپ قېرىغا ئېلىپ ئېتىپ، ئاخىرى غەلىبە قىلىپ يەڭدى. جانابى ئاتالىق غازىنىڭ قەھرىيەتلىك بىلەن دۆلەت سۈرگەن دەۋرىدە، بۇنداق ئۇرۇش - جەڭ زادىلا بولۇپ باقمىغان ئىدى. بەلكى ئۇ قادىر ئاللا ئۆزىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ۋە تېگىشلىك مەرھەمەتلىرى بىلەن بۇنداق كۈچلۈك دۈشمەننى قەھرى - غەزەپكە دۇچار قىلىپ، مەغلۇپ قىلىپ بەرسەگەن بولسا كېرەك. ئاتالىق تۇڭگانلارنىڭ ئازلا قىسمى بۇ ئۈشتۈمتۈت زەربىدىن جېنىنى قۇتۇزۇپ، لورىنجاغا ئۇچراشتى. قالغانلىرى ھالاكەت ۋە پالاكەت گىرداۋىغا مۇپتىلا بولۇپ، قارنىڭ ئاستىدا قاتتى - دە، قالدى. بۇ پەتەھى پەلەك بەختى يار مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىنىڭ نامىغا توغۇلدى. ئاتالىق غازى بۇ غەلىبىدىن كېيىن قۇشبېگىگە ھەدددىن زىيادە مەرھەمەتلىرىنى كۆرسەتتى.

ئەسلىدە ئۈرۈمچىدىن چىققان تۇڭگانلار “بارىمىز - دە، ئالىمىز، ئۆلتۈرۈپ ئات - ئۇلاغ، قورال - جابدۇقلىرىنى، ئالتۇن، كۈمۈش، ئەسۋابلىرىنى ئولجا - ئەسىر قىلىمىز” دېگەن خام خىيال بىلەن كەلگەن ئىكەن. ئۇلار ئاتلىنىشتىن بۇرۇن بالا - چاقىلىرىغا “ئەتە ئەتىگەندە ئولجا ئاتلارنى باغلىغىلى ئاغامچا ئېلىپ ئالدىمىزغا چىقىڭلار” دەپ چوڭ گەپلەرنى تاپشۇرۇپ يولغا چىققان ئىكەن. ئاتالىق غازىنىڭ يىگىت، سەربازلىرى قاچقان تۇڭگانلارنى قوغلاپ كېتىپ بارسا، ئۇلارغا ئون ياش ياكى ئون ئىككى ياشلاردىكى ئون مىڭ تۇڭگان بالىلىرى ئۇچراشتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قولىدا بىر - ئىككىدىن ئاغامچا بار ئىكەن. ئۇلار دادىلىرى ئولجا ئېلىپ كەلگەن ئاتلارنى باغلاپ مىنىپ كەلگىلى چىققان ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاكەتكە يەتكۈزۈپ، دادىلىرىنىڭ كەينىدىن كەتسە - كەلمەس يولغا راۋانە قىلدى.

بۇ چاغدا لورىنجا قېچىپ بارغانلاردىن ۋەقەنى ئاڭلاپ، ئۆزىگە ۋە شەھەرگە بىر ئىلاج بولارمىكىن دېگەن خام خىيال بىلەن ئون مىڭچە ئوغۇل - قىز نېرىسىدە تۇڭگانى بالىلىرىغا بىر دىن كالامى شېرىپنى كۆتەرتىپ، يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن قىرائەت قىلدۇرۇپ، نۇسرەت نىزاملىق قانخومار ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىغا چىقاردى. قوشۇننىڭ ئالدىدا كىرىگەن ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەر ۋە يەيزى يۈز بېشى باھادۇرلار باشلىق يىگىتلەر، بۇ بالىلارغا قارىماي ۋە پەرۋا يۈز - خاتىر قىلماي، بالىلارنى باستۇرۇپ، دەسسىتىپ، دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ ئوق چىقىرىپ تۇرغاندا، ئاتالىق غازىدىن “شەھەرگە كىرمەڭلەر” دېگەن پەرمەيىش ئالى سادىر بولدى. بۇلار شەھەرگە كىرمەي، ئاتلىرىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ تۇرۇشتى. ئاقىۋەت ئەمىر لەشكەر ئابدۇللا پانسەتنىڭ شام - چىرىغى ئۆچۈپ كۈنى پۈتتى. بەلكى مۇشۇ بىئەدەپسىزلىك ۋە ھۆرمەتسىزلىك ئۇنىڭ كۈنى پۈتۈشىگە سەۋەپ بولغاندۇر. يەيزى يۈز بېشىمۇ تېز پۇرسەتتە يوق بولدى. بۇ ئارىدا بىرمۇنچە يىگىت، سەربازلار تۇڭگانلارنىڭ ئوغۇل قىز بالىلىرىنى ئولجا - ئەسىر قىلىپ ئېلىپ چىققان ئىكەن. جانابى ئالى بۇنى كۆرۈپ، “بۇ دۈشمەنلەرنىڭ بالىلىرىنى نېمە ئۈچۈن تىرىك ئېلىپ چىقتىڭ” دەپ ناھايىتى غەزەپلىنىپ، ئولجا ئېلىپ چىققان يىگىت، سەربازلارنى ۋە ئولجا بالىلارنىمۇ بىردەك چاپتى. نەتىجىدە بىرمۇنچە گۇناھلىق ۋە گۇناھسىز نېرىسىدە ئوغۇل - قىزلار ۋە باشقا ئوڭگانلار بىردەك يوق قىلىندى.

بۇ چاغدا داۋۇت خەلپە لورىنجادىن ئەلچى چىقىپ “دا پادىشا (چوڭ پادىشا - ت) باشلىق قوشۇنلار شەھىرىمىزگە كىرمىسە، بىزنىڭ خوتۇن - بالىلىرىمىز ناھايىتى قورقىدۇ. بىز ئىتائەت قىلساق، ئەگەر نېمىگە يارلىق قىلسا، بىز بەجاندىل قوبۇل تۇتۇپ خىزمەتكارچىلىغىمىزنى مەلۇم قىلساق” دېدى. جانابى شەھرىيارى ئاتالىق غازى ماقۇل بولۇپ قوبۇل تۇتۇپ، ئوبىدان بولىدۇ دەپ قىرغىنچىلىقنى توختاتتى. داۋۇت خەلپە نەچچە توققۇز يامبۇ، كۈمۈش، ئالتۇن، جانان چىنە، ئالاھىدە تاۋار، دۇردۇن، خۇش بويْلۇق پاكىز چاي، ئات، قورال - ياراق قاتارلىق بېجىندىن چىقىدىغان قىممەت باھا ئەسىل ماللار ۋە غەزىنىدىكى ھەممە بار ئەشيا نەرسىلىرىنى تارتۇق قىلىپ، ئاتالىق غازىنىڭ پەلەك بارگاھىغا چىقاردى. لېكىن ئۆزى چىقماي، ئارتۇق ئۆزرە - خالقىنى ئادا قىلىپ، ئىتائەت بەلۇغىنى بېلىگە مەھكەم باغلاپ “ئەگەرتىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزىمەن دېسە، جان ۋە تېنىم ئۇلۇغ لاۋ پادىشا ھەققىدە پەيدا ۋە يوق بولسۇن، ئەگەر مېنكى قەبرى كەتەردىن دۇئاغا قولىنى كۆتەرگەندە، جانابى ئالى ئەپۇ قىلىمىنى سورۇپ، كېچىرىم قىلسا، بۇ ئۇنىڭ پادىشاھدەك ياخشىلىق قىلغانلىغى بولىدۇ” دەپ خەت - ئەرز چىقاردى. شەپقەت ئەسەر ۋە دۆلەتيار ئاتالىق غازى بۇنىڭغا رازى بولۇپ، كۆپايە دەپ ئاماننامە بەردى. بۇ چاغدا ئاتالىق غازى تۇرپاندىكى تۇڭگانلارنىڭ ئۇلۇغى سۇ يەنشەينى خىزمەتچىلىرى قاتارىدا بىللە ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ ئىلگىرى قىلغان گۇناسى ئۈچۈن كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئىدى. شۇڭلاشقا بۇنى ئۈرۈمچىگە دايەنشەي قىلىپ، ئالتۇن كەمەر، كىسە - خەتدان، مىلتىق، ئالاھىدە پەينەكلىك قورال - ياراقلار، پاكىز توغ، بايراق، ئەلەم ۋە ئەسىل كىمخاپ تون، ئالاھىدە يارلىق نىشان - ئالى شانلارنى بېرىپ، ئۈرۈمچىگە قاراشلىق قۇتۇبى، گۇمادى، ماناس قاتارلىق ئالتە شەھەرنى ھەممە تەۋەلىكى بىلەن قوشۇپ ئىنئام - ئېھسان قىلىپ ئۇلۇغلىدى. ئەمدى بۇ دايەنشەيگە ئۆزى خالىغان ۋە لايىق تاپقان تۇڭگانىنى بۇ ئالتە شەھەرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە يەنشەي قىلىپ بەلگىلەش، ئۇلارغا ئات، قورال - ياراق بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەمىر - ئىتائىتىگە قاراشلىق قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بەردى. لېكىن بۇ چاغدا دايەنشەي ئەرز قىلىپ “ئىسلام پادىشالىرىنىڭ قائىدە - قانۇن ۋە رەسمىيەتلىرىنى بىلمەيمەن. خەت - ئالاقە يوللىرىغا ئاجىزدۇرمەن، دۆلەتخۋاللىرىدىن بىر كىشى ماڭا بۇ قائىدە - رەسمىيەتلەرنى ئۆگەتسە دەپ تىلەيمەن” دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. ئاتالىق غازى بۇنى قوبۇل قىلىپ، زەينۇلئابىدىن مەخدۇم مىرزا بېشىنى سالام ئاغىسى قىلىپ ئۈرۈمچىدە قويدى.

ئۈرۈمچىنىڭ سوغاقلىغى ھەممە ئىنسان گۆرۈھىغا خۇددى قۇياش نۇرىدەك ئاشكارا. ئەگەر شى - شى گۇڭ نەنسەندىن تاشكۆمۈر يەتكۈزۈپ بەرمىگەندە ئىدى، جاننى مۇھاپىزەت قىلىش بەكلا مۈشكۈل بولغان بولار ئىدى. ئۇنىڭ ئىنسى ماشويەمۇ چېرىكلىرى بىلەن تولا خىزمەت قىلدى. بۇ چاغدا شى - شى گۇڭ يەنە كۆپ تارتۇق - ھەدىيە بىلەن كېلىپ، جانابى ئاتالىق غازى بىلەن كۆرۈشۈش دۆلىتىگە مۇيەسسەر بولدى. ئاتالىق غازى ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ، شى - شى گۇڭغا قاراپۇشقاك كىمخاپ تاشلىق جۇۋا، ئالتۇن سەللە، كۇلا، پەينەكلىك مىلتىق، ئالتۇن كەمەر ۋە كىسە، جابدۇقلىرى ئالتۇندىن ياسالغان ئارغىماق ۋە ئىگەر توقوم، كاتتا توماق قاتارلىقلارنى ئىنئام - ئېھسان قىلدى. ئىنسى ماشويەگىمۇ خۇددى شۇنداق ناھايىتى ئىلتىپاتلارنى قىلدى. قالغان چېرىكلىرىگىمۇ ئۆز دەرىجىسىگە قاراپ سۈلەسون، تۈلكە، پاخلان تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋا، شىم، تەلپەك - توماق، تىللا ۋە تەڭگە قاتارلىقلارنى ئاتا قىلدى. دايەنشەيدىن شى - شى گۇڭغا ئون مىڭ تاغار ئاشلىق بۇيرۇپ بېرىپ، ئۇنى قايتىشقا رۇخسەت قىلدى.

گەپنىڭ ھاسىلی شۇكى، جانابى ئاتالىق غازى ئالى مەقام ئۈرۈمچىدە ئۈچ ئاي تۇرۇپ، ئۇنىڭ دائىرە ۋە تەۋەلىكىنى تىنچلاندۇرۇپ، نۇسرەت ئىنتىزام ئەسكەرلىرى بىلەن يولغا چىقىپ تۇرپانغا كەلدى. بۇ جايدا ئىككى ئايدەك تۇرۇپ، بىرمۇنچە تۇڭگانىنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانغا ھەيدىدى. ئاندىن كېيىن ئۆزى خوشال - خوراملىق بىلەن غەلىبە ئۆزەڭگىسىگە پۇتنى تاشلاپ، مەنزىلمۇ - مەنزىل يۈرۈپ، ھەمەل پەسلىدە قارا شەھەرگە كەلدى. بۇ جايدا بىرنەچچە كۈن تۇرۇشنى ئىختىيار قىلىپ، قاراشەھەر دەرياسىنىڭ بويىدا بىر شەھەر بىنا قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى ۋە ئۆزى باش بولۇپ قاق سۇقۇپ، خىش كۆتۈرۈپ خىزمەت قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئەمىرى لەشكەر، پانسەت، ئەمىرايىلەر، ئۆلىمايى ئەززەملەر ۋە پەزىلەتى ئەكرەملەر، ھەممە ياش - قېرىلارمۇ ئورنىدا تۇرالماي، سېپىل سۇقۇش ۋە شەھەر بىنا قىلىشنىڭ ھەرىكەت - تەرەددۇتلىرىغا چۈشۈپ، ناھايىتى تېز پۇرسەتتە شەھەر قۇرۇلۇشىنى تۈگەتتى.

بۇ كۈنلەردە قالماقلارنىڭ خاتۇن خان دېگەن بىر خېنى كورلىغا يېقىن قارا مۆرۈن دېگەن بىر جايغا كەلگەن ئىكەن. ئاتالىق غازى بۇ تايىپىلەرنىمۇ ئەمىر ئىتائىتىگە كىرگۈزۈپ بوي سۇندۇرۇشنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى تەكلىپ قىلىپ كىشى ماڭدۇردى. لېكىن خاتۇن خان ئۆزى قارا شەھەرگە كىرىشنى رەت قىلىپ، لاما ۋە گىچىل قاتارلىق مەنسەپدارلىرىنى ۋەكىل ۋە باش قىلىپ، تارتۇق - ھەدىيەلەر بىلەن جانابى ئالىنىڭ خىزمەتلىرىگە كىرگۈزدى. . بۇلار بىلەن بەش يۈزچە قالماق بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنى بىرنەچچە كۈن توختىتىپ مېھمان قىلىپ زىياپەت بەردى. ھەر كۈنلۈگى قەندىن رىشالە، گۈلقەن قاتارلىق شېرىن لەززەت نېمەتلىرى، قەنت، ناۋات، بادام، پىستە، مېغىز، قەندالەت، مۇراببا، شىربەرەنجى، تاتلىق شويلا ۋە خۇش بوي پاكىز چاي قاتارلىق يېمەك - ئىچمەكلەر بىلەن ناھايىتى كۆڭرى مېھمان قىلدى. بۇ ئارىدا مۇھەممەت مۇسا توقسابېيىنى بىرمۇنچە يىگىت بىلەن ئەۋەتىپ، خاتۇن خاننى ئۆز ئىختىيارىغا قويماي ۋە بۇ قالماقلارنىمۇ بىلىندۈرمەي، قارا شەھەرگىمۇ كىرگۈزمەي، باشقا بىر يول بىلەن ئېلىپ مېڭىپ كورلىغا ئاپىرىپ، ئاخۇن جىيغان دېگەننىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئاندىن بۇ قالماقلارغا سېرىق لايگا ۋە سېرىق دابا قاتارلىق رەختلەردىن تون - كېچەكلەرنى تىكتۈرۈپ تەييارلاپ قويغان ئىكەن. بۇلارغا بۇ خىل نەرسىلەر ۋە تەڭگە، تىللا، ئوزۇق - تۈلۈكلەرنى ئىنئام ۋە ئاتا قىلىپ قايتىشقا جاۋاپ بەردى. بۇ قالماقلار بولسا خانىنىڭ كورلىغا كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ھالدا خوشال - خورام ئۆز يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. ئاتالىق غازى مەزكۇر خاتۇن خانغا ۋەزىپە مائاش تەييارلاپ كورلا ھاكىمى ھاجى مىرزا بېشىغا تاپشۇردى.

بۇ ئارىدا ئۈرۈمچىدىن نەنسەندىكى شى - شى گۇڭ نۇرغۇن چېرىك بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، دايەنشەينى ئۆلتۈرۈپ، بۇلاپ - تالاپ چىقىپ كەتتى دېگەن خەۋەر ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا كېلىپ يەتتى. بۇ خەۋەر كېلىپ ئارقىدىنلا زەينۇلئابىدىن مەخدۇم ئوتتۇز نەچچە تۆگىدە يامبۇ، كۈمۈش، چاي، تاۋار، چىنە قاتارلىق سوغا - سالام بىلەن بىللە ئەللىك نەچچە تۇڭگانىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، دۇئا قىلدى. ئەسلىدە زەينۇلئابىدىن مىرزا بېشى دايەنشەي تەرەپتىن شى - شى گۇڭغا ئەلچى بولۇپ بارغان ئىكەن. شى - شى گۇڭ ماقۇل تۇتماپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سوغا - سالاملارنى ئېلىپ جانابى ئالىنىڭ خىزمەتلىرىگە بېرىپ دۇئا قىلىپ يانسام، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىمۇ ياقماي تۇرىدۇ دەپ دايەنشەيدىن رۇخسەت ئېلىپ يولغا چىققان ئىكەن. يۇقۇرىقى ۋەقە مىرزا بېشى يولغا چىقىپ ئىككى كۈندىن كېيىن يۈز بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن مىرزا بېشىنىڭ خەۋىرى يوق ئىكەن. جانابى ئالى مېھرىۋان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە شى - شى گۇڭ بىلەن بولغان ۋەقەنى مىرزابېشىغا ئۇقتۇرۇپ، “خۇداۋەندە ئالىمىيان ئۆزىنىڭ ھېكمەت ئىشارىتى بىلەن بىر باھانە - سەۋەپ قىلىپ، سىز مىرزا بېشىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، بارگاھى ئالىغا ئامان - ئېسەن يەتكۈزۈپتۇ” دەپ شۈكۈرى - سانالارنى بەجا كەلتۈرۈپ، تەھسىن - ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. چۈنكى، بۇ مىرزا بېشى بولسا پەزىلەتلىك ئالىم، شائىر ۋە ھەممە باپتا يېتىشكەن ئەرباپ، نەچچە خان ھوزۇرىدا مىرزا بېشى بولۇپ ئۆتكەن، كۆپ ئىززەت ۋە ئابروي تاپقان، جانابى ئالىنىڭ خىزمەتلىرىدىمۇ زور قەدىر - قىممەتكە ئىگە بولغان، مۇنشىلىكتە يەكتا، خەت - قەلەمدە تەڭداشسىز بىر زات ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەبىئى ئىدرىگى، ئۆتكۈر زېھنى قۇۋۋىتى ۋە مۇھاپىزىتى بىلەن «دىۋانى فۇزۇلى» (201) ئۇسلۇبىدا بىر جىلدلىك دىۋان نەزمە - غەزەل يازغان ئىكەن. ئۇنىڭ تەخەللۇسى “مەھجۇرى” (“چەتتە قالغان”، “جۇدا بولغان” دېگەن مەنىدە - ت) ئىدى. مەزكۇردىۋانىدا كۆپ پەند - نەسىھەت، مائارىپ ۋە ھەقىقەتلەرنى ئىما ۋە ئىشارەتلەر بىلەن كۆرسەتكەن ئىدى. بۇنى ھەممە پازىللار ئۆز ئولتۇرۇش - مەركەزلىرىدە ئوقۇپ بېقىپ، ھەيرانى بارماقلىرىنى تەپەككۇر چىشلىرى بىلەن چىشلەپ قالاتتى. ھەر ئەھدى ئۇنىڭ يازغان كۈي قاپىيىلىرىگە پەقەت يۇقۇرى ئىنساب بىلەيلا قارايدىغان بولسا، ئاندىن ئۇنىڭ ماھارىتىنى بىلەلەيدۇ. بۇ ئىككى قىتئە ئۇنىڭ دىۋان جۈملىسىدىندۇر. نەزىم:

گەر نېسىپ بولسا بۇ مەھجۇرە تاۋافى كەئبە.

باش ئۇرۇپ ئۆتكەن ئېشىكتە ۋە تەزەئىدە لىم.

سۆزنىڭ ھاسىلی شۇكى، جانابى غازى ئالى مەقامنىڭ ئۈنچە - گۆھەر تىلىدىن شۇنداق شاھانە ئىلتىپاتلىق سۆز چىقتىكى، ئۇ “ئەگەر ئۈرۈمچى ئىتائەتتىن چىقسا، يەنە لەشكەر ئەۋەتىپ، ئىتائەت ۋە پەرمان ئالىغا كىرگۈزگىلى بولار، دايەنشەينى ئۆلتۈرسە، يەنە بىر تۇڭگانىنى يارلىق ئالى بىلەن بىر تەرەپ قىلساق، بەلكى بومۇ دا يەنشەي بولۇپ كېتەر، ئەمما سىزدەك مىرزا بېشىنى ئىككىنچى قېتىم تېپىشقا مۇيەسسەر بولغىلى بولماس ئىدى” دەپ مېھرىۋانلىق قىلىپ، ناھايىتى كۆپ ئېھسانلارنى قىلدى. جانابى بەدۆلەت غازى كورلا، قارا شەھەردە بولۇپ ئۈچ مىقدارى ئىستىقامەت قىلدى. ئاندىن بارگاھى مۇبارەكلىرىنى يۇلتۇزلارغا تاقاشقان دۆلەت بىلەن قوزغاپ، دۆلەت ئەركانلىرى ۋە دائىمى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئاقسۇ بارگاھىغا كېلىپ، يېڭى بىنا قىلىنغان ئالى ئوردىغا چۈشتى. بۇ يېڭى ئوردا بولسا فەرغانە ۋىلايىتىدىكى خانلارنىڭ ئىچكى شەھەر ۋە ئوردىلىرىنىڭ شەكلى ۋە سىياقىدا بىنا قىلىنغان ئىدى. جانابى ئالى ئوردىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ، ئىش بېشى نىياز باقى ۋە باشقا ئوستىلارغىمۇ چوڭ ئىنئام - ئېھسانلارنى بېرىپ تارتۇقلىدى. بۇ ۋاقىت تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1871 - يىلى - ت)، يەنى مۈچ (چاشقان - ت) يىلى ئىدى.

11

ئو شەھرىيارى ئاتالىق غازىنىڭ ئالى پەرمېيىشى بىلەن ھېكىم خان تۆرەمنىڭ ئۈرۈمچى تۇڭگانلىرى ئۈستىگە لەشكەر تارتىش ۋە توغرا يوللۇق پەرەزەنتى بەك قۇلى بېگىمنى ھىمايەت ئۈچۈن كەينىدىن ماڭدۇرغىنى، بەزى ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشى، مۇرات - مەقسەت گۈللىرىنى ئەسلى مۇرات - مەقسەتلەردىدەك مۇرات قولىغا كەلتۈرۈپ، يۈزىنى گۇمانى پەلەك بارگاھىغا سۈرتۈشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

مۇلايىم تەبىئەتلىك دوستلار، راست كۆڭۈللۈك قەدىمى يارەنلەرنىڭ نۇرلۇق كۆڭۈللىرىدىن يوشۇرۇن ياكى مەخپى قالمىغايكى، مۇنداق بىر نەقلى ھېكايە ۋە قىسسە - ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، ئو غازى ساھىبى دۆلەت ئاتالىق ئۇلۇغ ئىقبال ۋە بەخت بىلەن ئاقسۇدىكى ئۇلۇغ تەختتە مۇقىم بولۇپ ئورۇنلاشتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاتالىق غازى ئاقسۇغا ئىككى مەنزىل قالغاندا، كورلا ھاكىمى ھاجى مىرزادىن ئىككى مىڭچە يامان نىيەتلىك قالماق قورال - ياراق ۋە بايراقلارنى كۆتۈرۈپ، بىر دىل ۋە بىر نىيەتتە بولۇپ، بىر كېچىدىلا كورلىغا كىرىپ، ئىككى يۈزچە ئادەمنى نابۇت قىلىپ، جېنىنى ئېلىپ، يۇلتۇز ئىچىگە قېچىپ كىرىپ كەتتى دېگەن بىر ئەرز كەلدى.

بۇ ۋەقەگە كەلسەك، ھاجى مىرزا قالماقلارنىڭ توپلۇگىدىن خەۋەر تېپىپ، يىگىتلىرى بىلەن قالماقلار كېلىدىغان تاغ ئاغزى يولنى توسىماقچى بولۇپ، شەھەرگە ئوتتۇز يول مىقدارى كېلىدىغان خال خامان دېگەن مەنزىلگە چىقىپ يولنى توساپ ياتقان ئىكەن. بۇ قالماقلار باشقا يول بىلەن كورلىغا كىرىپ خاتۇنخاننى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا يەنە ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا نەنسەدىكى شى شى گۇڭ چېرىكلىرى بىلەن ئۈرۈمچىگە كىرىپ، دايەنشەينى ئۆلتۈرۈپ، بۇلاپ - تالاپ چىقىپ كەتتى دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى.

بۇ ۋەقە مۇنداق بولغان ئىدى: سۇ يەنشەي بىلەن شى شى گۇڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا كونا ئاداۋەت بار ئىدى. شۇڭلاشقا شى شى گۇڭ جانابى ئالىغا يار - مەدەت يەتكۈزۈپ، سوغا - سالام ۋە چېرىكلىرى بىلەن كېلىپ خىزمەت قىلغان بولۇپ، سۇ يەنشەينى يوق قىلماقچى ئىكەن. لېكىن بۇ ئۇنىڭ مۇددىئاسىدەك بولماي، سۇ يەنشەينىڭ ئۈرۈمچىگە دايەنشەي قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكى ۋە چوڭ مەرتىۋە بېرىلگەنلىكىگە چىدىماي، قاتتىق ھەسەت قىلىدىكەن. شۇنداقلا، ئاتالىق غازى شى شى گۇڭغا دايەنشەيدىن ئون مىڭ تاغار ئاشلىق بېرىشكە يارلىق قىلغان ئىدى. شى شى گۇڭ بۇنى ھازىر ئالىمەن دەپ تۇرغاندا دايەنشەي بولسا پۇقرالارنىڭ قولىدا ئاش يوق، خامان ئالغاندىلا بېرىمەن دەپ ئۆزرە ئېيتىپتۇ. ئۇ بۇنىڭغا ماقۇل بولماي، باھانە قىلىپ ئۇرۇش پەيدا قىلىپتۇ.

ئاقىۋەت شۇنداق بىر خەيرىيەتلىك چاغلاردا، جانابى ئالى كۇچاردىن نار مۇھەممەت پەرۋانچىنى ئەمىرى لەشكەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى مىڭ لەشكىرى بىلەن ھەممە لەشكەرلەرگە باش قىلىپ، ئۈرۈمچى ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشقا پەرمەيىش قىلدى. كورلىدىن ھاجى مىرزا بېشىنى بەش يۈز يىگىتى بىلەن بۇيرۇدى. ھاجى مىرزا ئۆز ئورنىدا تاشلان قازىبەگنى تاشلىدى. تۇرپاندىن ھېكىم خان تۆرەمنى يىگىتى بىلەن پەرمەيىش قىلدى. نەتىجىدە ھېكىم خان تۆرەم نارمۇھەممەت پەرۋانىچى، ھاجى مىرزا بېشى، ھەيدەر قۇل ئەمىرى لەشكەر، مەھمۇت بەك پانسەت ئۆزگەنىچى قاتارلىقلار باشلىق سەككىز مىڭ يىگىت، سەربازلىرى بىلەن ئۈرۈمچى ئۈستىگە باردى. ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانلار سۇدا يەنشەي ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى تالىپ ئاخۇننى دادىسى ئورنىدا بىلىپ دا يەنشەي قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن. جانابى ئالىمۇ بۇ تالىپ ئاخۇنغا تەلەپكار بولۇپ، دا يەنشەي قىلىپ مۇبارەك يارلىغى بىلەن بېكىتكەن ئىدى. بۇ ئەسنايدا ھېكىم خان تۆرەملەر تۇڭگانلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن شى شى گۇڭدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن نۇسرەت ئەسەرلىك ئەسكەرلىرىنى باشلاپ نەنسەن ئۈستىگە بېرىپ ئۇرۇشقا كىرىشتى. كاپىرلار باراۋەرلىك قىلالماي كىچىك نەنسەننى تاشلاپ، چوڭ نەنسەنگە قاچتى. تۆرەم باشلىق ھەممە قوشۇن كىچىك نەنسەنگە تۇرۇپ، سۈرەت - ۋەقەنى جانابى ئالىغا ئەرز مەلۇم قىلدى. جانابى ئالىدىن خىتايلار قاچقان بولسا ئىشقىلار بولمىسۇن، ئەمدى بۇ قىشنى ئۈرۈمچىدە چىقىرىڭلار دېگەن ئالى ئىنايەتنامە بىلەن پەرمەيىش سادىر بولدى.

قەۋس پەسلى ئىدى. تۆرەملەر ئۈرۈمچىگە كەلسە تۇڭگانلار دايەنشەي تالىپ ئاخۇننى ئورنىدىن بىكار قىلىپ، داۋۇد خەلپىنى ئۆزلىرىگە چوڭ قىلىۋالغان ئىكەن. ئۇلار تۆرەملەرنى ئۈرۈمچىگە كىرگۈزمىدى. بۇ ھالدا ھېكىم خان تۆرەم مۇھاسىرىگە قول سالدى. تۇڭگانلار غالىبلىق قىلدى. تۆرەم بۇنىڭ ئۈچۈرىنى جانابى ئالىغا ئەرز تۇتتى. لېكىن ئۇرۇش جەريانىدا يەيزى يۈز بېشى، ئارسلانقۇل قىپچاق ۋە تاغاي قۇرشاقلار شۇنداق باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىك قىلدىكى، خۇددى قىسسە ۋە داستانلاردا ئالاھىدە مۇبالىغە قىلىپ بايان قىلىنغان رۈستەمى داستان ۋە سام نەرمانلار ئاشكارا كېلىپ قالغاندەك بولدى. تۆرەمنىڭ لەشكەرلىرى ساق قالدى. بۇنىڭغا خۇداۋەندەكېرىم ئۆزىنىڭ لۇتپى ئىنايىتى بىلەن باشتىن - ئاياق مۇھاپىزەت قىلىشى ھەم بۇ باھادۇر - مەرتلەرنىڭ يار - يۆلەنچۈك بولۇشى بائىس ۋە سەۋەپ بولدى.

گەپنىڭ ھاسىلیغا كەلسەك، تۆرەمنىڭ ئۈچۈر ئەرزى جانابى ئالىنىڭ ئالدىغا بارغان ھامان، ئۇ ئاقسۇدىن ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەر ۋە ئەزەم پانسەتلەرنى باش قىلىپ، بىر مىڭ بەش يۈز ئەسكەر بىلەن تۆرەم ۋە پەرۋانىچىلىرىنىڭ ھىمايىتىگە راۋان قىلدى. بۇلار يېتىپ بېرىپ ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشلارنى قىلىپ، لورىنجا داۋۇد خەلپىنىڭ پايتەختى لۈچۈڭ (كونا شەھەر - ت) دېگەن شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈپ ئورۇنلاشتى. خەنجۇا (خەنزۇلار شەھىرى - ت) شەھىرىمۇ بۇلارنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتتى. بۇ ھالدا لورىنجا بىر مۇنچە تۇڭگانى بىلەن ماناسقا قېچىپ كەتتى. ئوت پانسەت يىگىتلىرى تۆرەمنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىگە تەيىنلەندى، ئون ئالتە پانسەت لۈچۈڭ شەھىرى بىلەن خەنجۇڭ شەھىرى ۋە تەۋە بولغان تۇڭگانلارنى ساقلاپ ماناس تەرەپتىن كېلىدىغان يوللاردىن خەۋەر ئېلىپ، ھازىرلىق قىلىپ، قاراۋۇلچىلار قاتارىدا ساقلىق قىلىشقا مەسئۇل بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئوتتۇز بەش كۈن ئۆتتى. لورىنجا بولسا ماناسقا بارغاندىن كېيىن، نەنسەندىكى شى شى گۇڭ بىلەن يارۇ - ھەمدەملىك ۋە ئىتتىپاق تۈزدى. شى شى گۇڭ ئىنسى ماشويە بىلەن تۆت مىڭ خىتاينى ھەمرا قىلىپ لورىنجاغا قوشۇلدى. تۇڭگانلار ئون ئالتە مىڭ چېرىك راسلاپ، جەمئىي يىگىرمە مىڭ كىشى بولۇپ كېلىپ، مەزكۇر يولدىكى پانسەتلەرنى قوغلاپ خەنجۇڭ شەھىرىنى قايتۇرۇۋالدى. تۆرەم باشلىق ھەممە يىگىت لۈچۈڭ شەھىرىگە قامىلىپ قالدى. ئىسلام لەشكەرلىرى كامىل تۆت ئايغىچە ئەسلا باش چىقىرالمىدى.

ئۈرۈمچىنىڭ قەدىمقى شەھىرى بولسا خەنجۇڭ دەپ ئاتىلىدىكەن. داۋۇد خەلپە خانلىققا كۆتۈرۈلگەندە تۇڭگانلار بۇ شەھەرگە يېقىن يەنە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنى داۋۇد خەلپىگە پايتەخت قىلىپ بېرىپ، لۈچۈڭ دەپ ئاتاپتىكەن. بۇ ئىككى شەھەردە ئوق-دورا، نەيزە، قىلىچ، قورال - ياراق قاتارلىق جەڭ ئەسۋابلىرى ناھايەتسىز تولا ئىكەن. جۈملىدىن سەككىز مىڭ كاتتا توپ ۋە تەيپو زەمبىرەك، ئوقيا، ساغداقلار تەييار ئىكەن. ساگدا بولسا غەللە ئاشلىق ۋە ياغلىرىمۇ كۆپ ئىكەن. بۇلارنى تىنچلىق زامانىدا بېجىن تەرەپتىن مەيىمەيچىلەر ئېلىپ كېلىپ، ساراي ۋە دەڭلەردە ساقلاپ ياتقان ئىكەن. ھەر خىل ۋە ھەر قىسىم پاكىز خۇش بوي چاي، چىنە، تاۋار، دۇردۇنلەر، بېجىننىڭ ھەر خىل پاكىز ۋە چىرايلىق نەپىس مال - ئەشيالىرىمۇ ھەدددىن زىيادە تولا ئىكەن. تۇڭگانلار مەزكۇر مال ئىگىلىرى بولغان مەيىمەيچىلەرگە ئىمانى ئىسلام ئۆگىتىپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانچىلىق تايىپىسىگە داخىل قىلىپ، ئۆز ماللىرىغا ئۆزلىرىنى ئىگە ۋە پاسبان قىلىپ قويغان ئىكەن ۋە بۇنى لازىم بولغاندا خالىغانچە ئېلىپ ئىشلىتىپ تۇرىدىكەن.

شەھەر قولغا چۈشكەندە، تۆرەم بىرنەچچە سارايدىكى پۇل، ماللارنى پادىشالىققا خەتلەپ ئالدى. باقىماندىسىنى يىگىتلەرگە ئىنئام قىلدى. ھەر بىر ئاددىي يىگىتمۇ ئەقەللى ئوتتۇز مىڭ تەڭگە قىممىتىدە مال - مۈلۈككە ئىگە بولدى. لېكىن، بۇ مال - مۈلۈك، بۇنداق قىممەتچىلىك كۈنلىرىدە ھېچ نەرسىگە ئەرزىمىدى - دە، يوق بولۇپ كەتتى. يىگىتلەر بولسا تاۋار، دۇردۇننى كۆينەك، تامبال ۋە پايتىما قىلىپ ئىشلەتتى. چۈنكى، بۇنىڭدىن باشقا خەسە چىت ۋە بوز - خامدەك نەرسە يوق ئىدى. ھەر خىل چاينىڭ كۆپلۈگى شۇ مىقدارغا يەتكەن ئىدىكى، يىگىتلەر ئاتلىرىغا ئوقۇر ياساش ئۈچۈن بۇ خىل چايلارنى ئىشلىتەكەن. يەنە ئۇلار تاختا چايلارنى خام خىش ئورنىدا ئاتېبېشى يېتىدىغان جايغىچە تىزىپ) ياغاچ ئورنىدا ئۇنىڭدىن تۈرۈك ياساپ، ئۈستىگە لاي سۇۋاپ، ئاتلىرىغا ئوقۇر قىلىپ بېرىپتى. ئاتلار ئوت تاپالمىغان كۈنلەردە بولسا، ناھايىتى ئاچلىقتىن مەزكۇر چايلارنى پارچە - پارچە قىلىپ يەپ ۋە ئاياقلىرىدا دەسسەپ يوق قىلىۋېتىپتى.

ئەلقىسسە، بۇ چاغدا يەنە بىر ئاجايىپ ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. يەنى تۇڭگانلار لورىنجاغا شەھەر بىنا قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، بۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا يۈز قەدەم مىقدارى كېلىدىغان جايغا بىر كاتتا مەچىت جامە سالدۇرۇپ، مۇنارە مۇئەززىنە (ئەزانخانا - ت) لىرىنى ناھايىتى ئىگىز قىلىپ كۆتۈرۈپ ياساتقان ئىكەن. تۆرەملەر سۇلىنىپ قالغان كۈنلەردە، بىر كېچىسى بىرمۇنچە تۇڭگانى مەچىت جامەنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ، دەرۋازا، مۇنارە مۇئەززىنەلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، شەھەرگە قارىتىپ ئوق ئېتىپ، ھېچ ئەھدىنى ئىشىگىدىن باش چىقارتمائى، ناھايىتى ئامالسىز ئەھۋالدا قويدى. ئاخىرى مەسلىھەت شۇنىڭغا قارار تاپتىكى، بۇ تۇڭگانلار بىلەن يۈزمۇ - يۈز ئۇرۇشۇپ مەچىت جامەنى ئېلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، مەسلىھەتنىڭ ياخشىراقى شۇكى، بىرمۇنچە يىگىت، سەربازلارنى يۆگۈرتۈپ ئالمىساق ئەسلا ئىلاجى يوق دەپ، ھەممىسى بىر نىيەتكە كېلىپ، ھەر پانسەتتىن ئون ياكى ئون بەش باھادۇر تەلەپكارنى ئىلغاپ ۋە تاللاپ، جەمئى ئۈچ يۈز ئادەمنى تەييارلاپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىردەك يالڭاچ تامبالچاق قىلىپ، شاپ خەنجەرلەرنى يالڭاچ بېلىگە باغلاپ، قىلىچلارنى قولىغا ئېلىپ، بىرمۇنچە بورىنى ياققا چىلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ، مەچىت جامەگە يۆگۈردى.

دەلوە پەسلى، ھاۋا سوغاق، ئاسمان بىلەن باراۋەر قار ۋە مۇز بىلەن قاپلانغان ئىدى. بۇلار بارغان ھامان دەرۋازىغا ئوت ياقتى، ھەر تەرەپتىن تاملىرىنى بۇزۇپ، مەچىت جامە ئىچىگە كىرىپ ئوت قويۇپ، غەلىبە قىلىپ، جامەنى قولىغا كىرگۈزدى. ئۈچ يۈزچە تۇڭگانىنى تىرىك تۇتۇپ، بىرىنى يەنە بىرىگە چېتىپ ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە ياغاچ، كېگىز، بورا قاتارلىقلارنى تاشلاپ، نۇرغۇن ياغلارنى چېچىپ ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى ۋە يەنە بۇ تۇڭگانلارنىڭ يامانلىرىدىن ئۈچ يۈز قېرىق ئادەمنى سىرناپ ۋە ئىلغاپ، گۇنا - جىنايەتلىرىنى بوينىغا ئارتىپ، ھەر بىرىنى بىر تۈۋرۈككە باغلاپ، ھەر بىر پانسەتنىڭ يىگىتلىرىگە بۇ تۇڭگانلارنىڭ يىگىرمە ياكى ئوتتۇزىنى تەيىنلەپ بىر سائەت ئوق ئېتىشقا پەرمەيىش قىلدى. بۇلار ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە بىر سائەت ئوق ئاتتى. ئۇلارنىڭ ئۈستىخانلىرى زىرە ۋە قىيما - قىيما بولۇپ گۇيا خېمىردەك بولۇپ كەتتى، گۆشلىرى بولسا ئوقنىڭ زەربى ۋە ئەسىراتىدىن ئۇچۇپ يوق بولۇپ كېتىپتۇ. بىر سائەتتىن كېيىن ئېتىشنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ خىش ئەقربالىرى كېلىپ، ئۆلۈكلىرىنى دەپنە قىلسۇن دەپ پەرمەيىش قىلدى، تۇڭگانلار كېلىپ قارايدىغان بولسا بۇلارنى ئىگىسى، ئاياق ياكى رەڭگى - رويىدىن تونۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنى ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلدى. بۇ جەرياندا تۇڭگانلاردىن بىر مىڭ بەش يۈزچە كىشى يوق بولۇپتۇ. يىگىت، سەربازلارنىڭ ئۈچ يۈزدىن زىيادەرەڭگى زايا بولۇپتۇ.

تۆرەملەر قامىلىپ ياتقان كۈنلەردە بىر ئىلاج قىلىپ بىر ئەرزچىنى ئەرز بىلەن قاشغەرگە ماڭدۇرغان ئىدى. بۇ جانابى ئاتالىق غازى ئاقسۇدا توققۇز ئاي تۇرۇپ قاشغەرگە بارغان كۈنلىرى ئىدى. ئاتالىق غازى ئەرزچى يېتىپ بارغان ھامان ئەھۋالدىن ۋاقىپ ۋە ئاگاھ بولۇپ، توغرا يوللۇق پەرەزەنتى بەك قۇلى بېگىمنى باش قىلىپ، مۇھەممەت كېرىم دادخۋا، ئەلى بەك پانسەت، مۇھەممەت سەئىد پانسەت، نورۇز پانسەت، خالمان پانسەت، ئەشمۇھەممەت پانسەت، بوخچە بەردار، مىر كېرىم قورچىلارنى قوشۇپ، بەش مىڭ يىگىت ۋە تۆرە قۇل لاۋۇر، مۇھەممەت رەھىم پەھلىۋان، خەلىل ئەپەندىلەرگە ئىككى مىڭ سەرباز، دەھول - دۇمباق، ئەلەم - بايراق ھەم ئۆمەر خوجا ئىشانغا تۆت چوڭ بام توپ ۋە چاچما ئوق - دورىلىرى، بىلەن ئادەملىرىنى قوشۇپ، تۆرەملەرنى ھىمايەت قىلىش ئۈچۈن يولغا سالدى.

بەك بەچچە (بەك قۇلى بەك - ت) مۇسۇلەەت ۋە سەلتىنەتلىرى، لەشكەرلىرىنى خۇددى جانابى بەدۆلەتنىڭ تەييارلىقىغا ئوخشاش ھەشەمەت بىلەن راسلاپ، بارلىق ھەشەمەتلىك ئەربابلىرى بىلەن غەلىبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويۇپ، مەنزىلمۇ - مەنزىل يۈرۈپ، ئوتتۇز ئالتە كۈندە توخسۇنغا يېتىپ كەلدى. توخسۇن ھاكىمى جاھان دادخۋا بەقەدەر ئەھۋالغا قاراپ خىزمەتكارچىلىغىنى بەجا كەلتۈردى. جانابى بەك بەچچە بۇ تەرەپلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا تۇرغانلىغىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولۇپ، بەش كۈن تۇرۇپ ئارام ئېلىپ، مەقسەت - مىرام تەرەپكە قەدەم قويدى. بۇ چاغدا داۋانچىنىڭ تۇڭگانلىرىمۇ لورىنجاغا ئالاھىدە ئىتائەت قىلىپ، يۈز ئۆرۈپ قارشىلىق قىلىپ، مۇخالىپەتلىككە ئەدەپسىزلىك بىلەن يۈز قويغان ئىدى. شۇڭلاشقا، داۋانچىنى قولغا كىرگۈزمەي تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە بېرىشقا مۇيەسسەر بولماس ئىدى. ئامالسىز داۋانچى شەھىرىنىڭ مۇھاسىرىسىگە قەدەم قويۇپ، قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ مەيىن شاماللىرى پەيدا بولۇپ، مەقسەت گۈللىرى بەك بەچچىنىڭ قولىغا كىردى. بۇ جەرياندا مىڭدىن زىيادەرەك تۇڭگانى يوق بولۇپتۇ، ئىككى يۈز ئەللىكچە يىگىت زايا بولۇپتۇ. داۋانچى پەتەھىدىن كېيىن تۆرەملەرنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، تېز سۈرئەت بىلەن ئۈرۈمچى ئۈستىگە يېتىپ باردى. تۆرەم شەھەرنىڭ ئىچىدىن، بەك بەچچە شەھەرنىڭ تېشىدىن نۇرغۇن ھەرىكەت ۋە تەرەددۇتلارنى قىلدى. قاتتىق ۋە زور جەڭلەر بولدى. ئاقىۋەت بۇلار غالىبلىق قىلىپ تۇڭگانلارنى بوي سۇندۇردى. بۇ ۋاقىت تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1872 - يىلى - ت) ئىدى. ئون بەش مىڭغا يېقىن تۇڭگانى ۋە خىتايلار يوق بولدى. شى شى گۇڭنىڭ ئىنسى ماشويەمۇ تەيىنلەنگەن ئورنى جەھەننەمنىڭ تۆۋىگە موللاق ئېتىپ چۈشۈپ كەتتى. يىگىتلەردىن مىڭدىن كۆپرەگى زايا بولۇپتۇ. بەك بەچچە بۇ پەتەھى ئىقبال بەختىنى پەتىھنامە قىلىپ بارگاھى ئالىغا ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۆرەملەر شەھەرگە سۇلىنىپ تۇرغان كۈنلەردە، يىگىتلەرنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى خاراپ بولغان ئىدى. قىممەتچىلىكمۇ ناھايىتى قاتتىق بولغان ئىدى. بىر سەر كۈمۈشكە بىر جىڭ نان تېپىلمايتتى ۋە نۇرغۇن قىممەت باھا ئاتلارمۇ ھالاك بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا تاملارنى بۇزۇپ، سۇۋاقلىرىنى سۇدا يۇيۇپ، ئۇنىڭ سامانلىرىنى پاكىز ئايرىپ ئاتقا بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەنمۇ ئىش ھەل بولمايتتى.

ئۈرۈمچى پەتەھى بولغاندىن كېيىن، بەك بەچچە تۆرەمگە تەۋە يىگىتلىرى بىلەن بىللە تۇرپانغا قايتىشقا رۇخسەت بەردى ۋە قالغان يىگىتلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئىككى ئاي تۇرۇپ، ئاندىن ئەمىرى لەشكەر، پانسەت، يىگىت ۋە سەربازلىرى بىلەن گۇمادىغا ئاتلاندى. گۇمادىدىمۇ ئون مىڭدىن كۆپرەك كارغا يارايدىغان تېمەن تۇڭگانى بار ئىكەن. گۇمادى تۆت ئاي مىقدارى مۇھاسىرىدە بولدى. ئارىدا كۆپ قاتتىق جەڭ مۇھارىبەلەر بولۇپ، ئاقىۋەت تۇڭگانلار باراۋەرلىك قىلالماي، ئەمىرى ئىتائىتىگە بويۇنلىرىنى سۇنۇپ، ھەدىيە - تارتۇقلار بىلەن ئالدىغا چىقىپ، ئامانلىق دۆلەت شەرابىتگە ئىگە بولدى. بەك بەچچە ئۇلارنىڭ يۇرتىنى ئۆزىگە ئىنئام قىلىپ، بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ ياندى. خالمان پانسەت بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا شاھادەتلىك شەرۋىتىنى ئىچتى.

بۇ كۈنلەردە يەنە جانابى ئالى بەدۆلەت مەرغىنانلىق يەھيا بېشىنى قاشغەردىن ماناستىكى لورىنجا ئالدىغا خەت، سوغات، بال، ناۋاتتەك شېرىن گەپلەر ھەم ياخشى سۆزلەر بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. مەزكۇر يۈز بېشى ماناسقا بېرىپ ئەلچىلىك قائىدە - رەسمىيەتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ تۇرغاندا، لورىنجا يەنى داۋۇد خەلپە “مەن ئەنجانلىقلارنىڭ خەت - سۆزلىرىنى ئاڭلىمايمەن ۋە ئەلچىنىمۇ كۆرمەيمەن” دەپ ناھايىتى غەزەپ جاھالەتتىن مەزكۇر يۈز بېشىنى دارغا ئاستى، ئۇنىڭ ئۈچ ئادىمىنىمۇ يوق قىلدى. جانابى ئالى غازى لورىنجانىڭ بۇ خىل نالايىق قىلىق پېئىلىنى ئاڭلاپ، غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، ئاللا بەك پانسەت، ھىسامىدىن پانسەت، ئاخۇن پانسەتلەر باشلىق ئون پانسەت ۋە ئىككى مىڭ نەپەر خۇن ئىچەر ئەسكەرنى تەيىنلەپ يولغا سالدى. بۇلار يېتىپ بېرىپ جانابى بەك بەچچە بىلەن كۆرۈشۈپ، سائادەتلىك زامان ۋە شەرەپلىك ۋاقىتلاردا ئاتلىنىپ يولغا چىقىپ، ماناس تەۋەسىگە يېتىپ كەلدى. شەھەرنى مۇھاسىرە قىلىپ، جەڭ - مۇقابىلىگە كىرىشتى. بىر قانچە قېتىم غەلىبە قىلىپ، بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ بولدى. ئو ياراتقۇچى غەپۇر ئاللانىڭ پەزلى ئىنايىتى بىلەن ماناس شەھىرىمۇ ئېلىنىشقا مۇيەسسەر بولدى. لېكىن شەھەر ئېلىنىدىغان كۈنلىرى لورىنجا دورا يەپ جېنىنى جان ئالغۇچى ئەزرايىلغا، مال دۇنياسىنى بولسا غەلىبە نىشانلىق قوشۇنلارغا تاپشۇرۇپ، ئامانلىق ھاسىل بولدى. بۇ جەرياندا ئۈچ يۈزدىن كۆپرەك يىگىت زايا بولدى. مىڭدىن ئوشۇق تۇڭگانلار يوق بولدى. شۇنداق قىلىپ تۇڭگانلارنىڭ شەھىرى ئىككىنچى قېتىم جانابى ئاتالىق غازىنىڭ ئەمىرى ئىتائىتىگە كىردى.

بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن، بەك بەچچە ئۈرۈمچىگە قاراشلىق ئالتە شەھەردىكى چوڭ - كىچىك ۋە باي ياكى كەمبەغەل تۇڭگانلارنى خەتلەپ تىزىمغا ئېلىپ، بايلارغا مىڭ سەردىن، قالغانلارغا ئۆز دەرىجىسى بويىچە سەككىز يۈز سەر، ئالتە يۈز سەردىن تارتىپ، ئەقەللى ئون سەرگىچىلىك كۈمۈش پۇل غەللە قويۇپ، دۆلەتخانىغا ئالدى. بۇ يارغۇ كۈمۈشنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، تۇڭگانلار ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىككە يۈز قويۇپ، ئۆز ئورنىنى تونۇپ بىلىپ، ئۆز كەسپى - ھۈنەرلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بولدى. بۇ چاغدا قاشغەردە سالارلىق (سالا تايىپىسىدىن - ت) كەنجە ئاخۇن دېگەن بىر نامدار كاتتا تۇڭگانى بار ئىدى. ئاتالىق غازى ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانلارغا دايەنشەي قىلىپ، تۇڭگانى يۈسۈپ بەك ياساۋۇلنى ياساۋۇل بېشى قىلىپ، ئات، قورال - ياراق، ئەلەم، بايراق قاتارلىقلارنى ئىنئام - ئېھسان قىلىپ، ئۈرۈمچىگە يولغا سالدى. بۇلار ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن، بەك بەچچىمۇ ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ تۇڭگانلىرىنى كەنجە ئاخۇنغا تاپشۇرۇپ، غەلىبە نىشانلىق قوشۇنلىرى بىلەن تۇرپانغا يېنىپ چۈشتى، تۇرپاندىكى ئۇلۇغ مازار - ماشايىخلار ھەققىدە ئالەم ئىگىسىنىڭ كالامىنى خەتمە قىلدۇرۇپ، غېرىپ - بىچارىلەرگە كۆڭرى نەزىرلىرنى قىلىپ، سەدىقە بېرىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ خاتىرجەم بولدى.

لېكىن، كورلا ھاكىمى ھاجى مىرزا بېشى بۇرۇن بىپەرۋالىق قىلىپ خاتۇن خاننى قولدىن بەرگەن ۋە قالماقلارنىڭ بىرنەچچە ئادىمىنى زايا قىلىشقا سەۋەپ بولغان ئىدى. بۇنى گۇنا - جىنايەتلىرىنى بوينىغا قويۇپ، ئورنىدىن بىكار قىلىپ، قاشغەرگە ئېلىپ بېرىپ ئۈچ يىل ئىستىقامەت ۋە توۋا - نادامەتكە تاشلىدى. كورلىنى بولسا نىياز مۇھەممەت توقسا بېيىگە مەرھەمەت قىلدى. نار مۇھەممەت پەرۋانىچىنى بولسا پىشقىدەم ۋە كاتتا سىپاھ دەپ، تۆرەم بىلەن ئۈرۈمچىگە بۇيرۇغان ئىدى ھەم ئۇنىڭغا ئەمىرى لەشكەرلىك مەنسىۋى بېرىلگەن ئىدى، ھەتتا ئۇرۇش ۋاقتىدا تۆرەمنىمۇ بۇ پەرۋانىچىنىڭ ئەمىرى پەرمانىغا بوي سۇنۇشى توغرىلىق مۇبارەك يارلىق بېرىپ، ئورنىنى كۆتەرگەن ئىدى، لېكىن بۇ ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن مەخپى تۈردە مەرھۇم دايەنشەينىڭ ئوغلى تالىپ ئاخۇندىن مەخپى ھالدا بىرمۇنچە نەق پۇل ئېلىپ، جانابى ئالىغا خەت يېزىپ، تالىپ ئاخۇننى دايەنشەي قىلىپ بەرسىلە، چۈنكى، ھەممە تۇڭگانلار تالىپ ئاخۇننىڭ تالىبى ئىكەن دەپ تەلەپ قىلغان ئىدى، جانابى ئالىمۇ تالىپ ئاخۇنغا تەلەپكار بولۇپ دايەنشەي قىلىپ ئالى يارلىق چۈشۈرگەن ئىدى. لېكىن، تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرى ھەتتا پۇقرا ئاممىسىمۇ تالىپ ئاخۇنغا ئىتائەت ۋە ئىتائەت قىلىشنى ئۆزلىرىگە ئار - نومۇس بىلىپ، ئىككىنچىلەپ لورىنجاغا ئىتائەت ۋە ئىتائەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇرىدا بايان قىلىنغاندەك شى شى گۇڭ بىلەن تالىپ ئاخۇننىڭ دادىسى سۇ يەنشەي ئوتتۇرىسىدا كونا ئاداۋەت بار ئىكەن. شۇنداقلا تۇڭگانلارنىڭ خاس پۇقرالىرى ۋە ھەممىسىلا داۋۇد خەلپىنى كەسپىي كارامەتلىرى ئاشكارا، دەۋەت ئىگىسى دەپ جان - دىلى بىلەن ئەقىدە ئىخلاش قىلىدىكەن. ئەگەر نار مۇھەممەت پەرۋانىچى ئىككىنچى قېتىم داۋۇد خەلپىنى تۇڭگانلارغا ئۇلۇغ قىلىپ بېرىلسە دەپ ئەرز بەرگەن بولسا ئىدى، بەلكى مۇبارەك يارلىق ئارقىلىق داۋۇد خەلپە تۇڭگانلارغا ئۇلۇغ قىلىنغان ۋە ئارىدا جېدەل - ماجىرا چىقمىغان، يىگىت، سەربازلارنىڭ قانلىرىمۇ تۆكۈلمىگەن بولار ئىدى. ئاتالىق غازى ئەنە شۇ ۋەقەلەرنى باھانە - سەۋەپ قىلىپ، نار مۇھەممەت پەرۋانىچىنى كۇچاردىكى مەنسىۋىدىن بىكار قىلىپ، قاشغەرگە ئېلىپ بېرىپ، مۇزلۇق ئۆيىگە سۇلاپ قويۇپ، مۇزلىتىپ يوق قىلدى. كۇچارنى بولسا ئامىلخان تۆرەمگە ئىنايەت قىلدى ۋە ئۈرۈمچى، ماناس ئۇرۇشلىرىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ئارسلان قۇل قىپچاقنى پانسەتلىككە كۆتەردى. تاغاي قۇرشاقنى ياساۋۇللارغا يۈز بېشى قىلىپ تەيىنلىدى. يەيزى يۈز بېشى ئۆز باشلىغى مەھمۇت بەك پانسەتكە ئەدەپسىزلىك قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن كايىپ مۇزداۋانغا قويدى. لېكىن ئۇ مۇزداۋاندىن قاچقاندا تۇتۇۋېلىپ، قاشغەرگە ماڭدۇرسا، يولدىن يەنە قاچتى. ئۇنىڭ گۇناسىنى گەدىنىگە يۈكلەپ، سويۇپ تاشلىدى. يەنە ئۈرۈمچىنىڭ كونا شەھىرىدە بىر مىڭ يىگىت تۇرۇشقا يارلىق قىلدى. تۇردى قۇلى دادخۋانى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، ئۇنىڭغا يەنە تۆت پانسەت تەيىنلەپ ئۈرۈمچىدە توختاتتى ۋە ھەر يىلى تۆت پانسەت نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرىدىغان بولدى.

تارىخ ھىجرىيە بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان (مىلادى 1872 - يىلى - ت)ئىدى. جانابى بەك بەچچە غەلىبە ۋە نۇسرەتتىن كېيىن، دۆلەت - ئىقبال بىلەن قاشغەر دارۇس سەلتىنەتىگە مۇراجەت قىلىپ، بۈيۈك ئاستانىگە بېرىپ، جانابى ئالىنىڭ شەرەپ بىلەن قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. تۇڭگانلاردىن ئولجا ۋە يارغۇ قىلىپ ئالغان مال غەنىمەت - يامبۇ، كۈمۈش، چاي، چىنە، تاۋار، دۇردۇن، قورال - ياراق قاتارلىق نەرسىلەرنى بىرمۇ - بىر خەتلەپ، ئۇلارنى ئۆز تىزىمى بىلەن ئالى بايلىق غەزىنىسىگە تاپشۇردى ۋە تۇڭگانلار شەھىرىدە بولغان ۋەقە - ھادىسىلەرنى جانابى ئالىنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا بىرمۇ - بىر ئەرز مەلۇم قىلدى. جانابى ئالى ماختاپ ۋە تەقدىرلەپ، ئۇنى نۇسرەت ئۈلگىسى بولغان ھەممە قوشۇنلارنىڭ ئەمىرايلار ئەمىرى ۋە لەشكەر بېشى دېگەن ئالى مەنسەپ ۋە مۇكاپاتلاپ ئورنىنى كۆتەردى. باشقا ئەمىرى لەشكەر، پانسەت ۋە يەككە يىگىت ئەمىرايلىرى، ھەتتا سەربازلارنىمۇ ئۆز لايىغىدا مەنسەپ، تون - كىيىم قاتارلىق نەرسىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى شاھانە ئىنئام ۋە پادىشالىق ئىلتىپاتلار بىلەن مەمنۇن قىلىپ، كۆڭلىنى كۆتەردى. شۇنداقلا بۇنىڭ شەرىپىگە كاتتا توي ئۆتكۈزۈپ، ئۆلىما، پەزىلا ۋە سەيىد كۇبرالار، ئەمىرى لەشكەرلەر، يەككە يىگىت، لەشكەر ئۆمىرالىرى، پۇقرالار، ھەتتا ھەممە ئادەم، ئاجىز - بىچارىلەر، غېرىپ - غۇرەبالارغىچە تون - كىيىم، تەڭگە، تىللا بەخش - ئېھسان ئاتا قىلدى ۋە ئۇلارغا ئۆز لايىغىدا نەزىر - سەدىقىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ پەتىھ ۋە دۇئاسىنى ئالدى. نەچچە قېرى مۇئەتتىبەرلەر ۋە قىرائەتچىلەرگە ئۇلۇغ ئاللانىڭ مۇقەددەس كالامىنى تامام قىلدۇرۇپ، ساۋابىنى پاك ۋە مۇقەددەس ئەۋلىيالارنىڭ روھىغا بېغىشلاپ دۇئا قىلدۇردى.

دەسلىپىتە جانابى ئاتالىق غازى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇنى ئۆزىگە بىر قېتىم تەۋە قىلىپ يانغان ئىدى. ئىككىنچى قېتىم بەك بەچچە بېرىپ ئو جاينى ئالاھىدە بوي سۇندۇردى. بۇ ئارىدا تولۇق ئۈچ يىل ئۆتتى. غەزىنىگە تولا سەرپ بولۇپ كەتتى. ھەتتا بۇ يەتتە شەھەرنىڭ باج - خىراجلىرىمۇ يەتمەي قالدى. خۇسۇسەن كاتتا قىممەت باھا ئارغىماق ئاتلار ھالاكەتكە يەتتى. قىممەتچىلىك كۈنلىرىدە يىگىت، سەربازلار ئات گۆشىنى يەپ قويغان سەۋەپ بىلەن ئىسسىق كۈنلەردە قورساق ئاغرىغىغا گىرىپتار بولۇپ، ئىچىدىن قان كېلىپ ئاللانىڭ قۇدرەتلىك قازا ئوقلىرىغا دۇچار بولدى. شۇنداقلا تىغ قەھرى ۋە شاھانە سىياسەت، ھەتتا قۇدرەتلىك ۋە ھەممىگە ئىگە بولغان ئاللانىڭ تەقدىرى بىلەن ئىككى يۈز مىڭغا يېقىن تۇڭگان ھالاكەت سەيلىسىدە غەرق بولۇپ، بالايى - ئاپەتكە ئۇچراپ، يوقلۇق شەھىرىستانىنى ئاۋات ۋە باي قىلدى. ھالبۇكى، مۇنچە تۇڭگاننىڭ ئۆلگەنلىكىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ھەتتا ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۆلگەن چوڭ - كىچىك نېرىسىدە ئوغۇللار ۋە بويىغا يەتكەن ياكى يەتمىگەن قىز بالىلارنىڭ سانىنى بولسا، ئو غايىپ ئالەم شاھىدى بولغان ئاللادىن باشقا بىرەر ئىنسان ياكى بىرەر جاننىڭ ئەقىل ئىدرىگى تەسىۋۋۇر قىلىپ، ئۇنىڭ تېگىگە يېتىشى مۇمكىن ئەمەس. جۈملىدىن بۇ چاغدا مۇسۇلمانلاردىنمۇ ئۆلگەنلەر بار ئىدى.

سۆزىمىزنىڭ ھاسىلی شۇكى، ئەۋۋەلقى ئىسلام دەۋرىدىن تا بۇ زامانغىچە خىتاي، قالماق، تۇڭگان ۋە قازاقلارنىڭ بالىلىرىنى ئەسكەر ۋە سودىگەرلەر خالىغىنچە ئولجا ۋە ئەسىر قىلىپ ئالاتتى. بەزىلىرىنى ئازغىنا ئاش - ئوزۇق، نان - توقاچقا ساتاتتى، ياكى ئۇلارنىڭ قورسىغىنى بېقىپ خىزمەتكە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئازادىلىگى ۋە مىننەتدارلىغىغا ئىگە بولاتتى، ياكى قىزلارنى چۆرى قىلىپ خالىغانچە ئۆز ئەمىرى ئەقدىگە ئالاتتى، ياكى يەنە بىر ئادىمىنىڭ ئەمىر ئەقدىسىگە مۇستاپانىڭ سۈننەت يولى بىلەن بېرەتتى. بۇلار ئۆي تەئەللۇق تۇتۇپ، بالا - پەرەزەنتلىك بولۇپ قالاتتى. بۇلاردىن تۇغۇلغان بالىلار چوڭ بولۇپ ئادەم قاتارىغا كىرىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتەتتى. بۇلار مەزكۇر ئولجا بالىلارنى مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتۇپ ساۋادىنى چىقىرىپ، خەت ئۆگىتىپ، بەزىلىرىنى بولسا ھۈنەرۋەن قىلىپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللاندۇراتتى. بەزىلىرىنى بولسا قارى مۇئەتتىپ قىلىپ، پەزىلەت كامالەتكە ئىگە قىلاتتى. ئو زاماندا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدە ئەقەللىسى بىر - ئىككى ئولجا مۇسۇلمان بالا بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا مۇسۇلمانچىلىق دائىرىسىگە كىرەتتى. ھەتتا ئۇلارنى بۇ شەھەرلەردىن چىقىپ فەرغانە ۋىلايىتى، بۇخارا مەملىكىتى، تۈركىستان، بەدەخشان بەلكى رۇم، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ باراتتى. ئۇلار تا ھازىرغىچە مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسىدە مەھكەم تۇرۇپ، يەر، سۇ، جاي ۋە مۈلۈك سېتىۋېلىپ ئۆمۈر كەچۈرمەكتە. ئىللاھ ئۆز كامالى قۇدرىتىڭ ۋە پەزلى ئىنايىتىڭ بىلەن مەزكۇر يېڭى مۇسۇلمانلارنى، ھەتتا بارلىق “لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا” دېگەن ئۇلۇغ كەلىمە شېرىپنى تىللىرىدا جارى قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق چوڭ - كىچىك گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، خۇددى مۇجىزىلىك ھەدىس شېرىپنىڭ بىر مەزمۇنىدا “ئاللانىڭ بىرلىگى ۋە مۇھەممەتنىڭ پەيغەمبەرلىگىگە ئىشەنگەن مۇخلىسلار بولسا جەھەننەمگە كىرمەلەيدۇ” دەپ بايان قىلىنغاندەك، ئۇلارنى ئۆزۈڭنىڭ جالالەتلىك ۋە ئۇلۇغ دىدارىڭنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلىپ، جەھەننەمنى نېمىتىنىڭ ئىشكىلىرىنى ئۆز ئۇلۇغ سۈپىتىڭ بىلەن بۇ بەندە گۇناكارلارنىڭ يۈزىگە قارتىپ ئاچساق، بۇ سېنىڭ ئۇلۇغ دەرگاھىڭ ئالدىدا ھېچقانداق بىر ئاجايىپ ئىش ئەمەس، ئۇلۇغلۇغۇڭغا مەرھەمەت - ۋەسالام.

12

ئو بەدۆلەت ئالى غازى ئەتنى مۇھەممەت ياقۇپ بەك ئاتالىقنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇرپانغا يۈرۈش قىلىش نىيىتى، بەزى پاراكەندىچىلىك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى، دۆلەت ئىنتىزامىنىڭ ئەينى قىيامدىن زاۋالغا مايىل بولۇشى، تەھلىكىگە قارشى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى تۈپەيلىدىن دۆلەت ئاپتىۋىنىڭ مەغرىپكە قاراپ پېتىشى

دىيانەت ئەسەرلىك يارەنلەر ۋە مۇھەببەت شۇئارلىق بۇرادەرلەرنىڭ نۇرلۇق كۆڭۈللىرىگە رۇشەن ۋە ئاشكارا بولغايكى، بۇ تەبىقە قىسسە ۋە خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1871 - يىلى - ت)، يەنى چاشقان يىلى جەۋزا پەسلىنىڭ ئاخىرىدا، جانابى شەھىرىيارى ئاتالىق غازى ئۈرۈمچى، تۇرپان غازاتلىرىدىن خاتىرجەم بولۇپ، دارۇسسەلتەنەت ئاقسۇغا كەلدى. مۇللاجىيەت مىرزابېشىنى بىكار قىلىپ، كۇچارلىق ئابدۇراخمان دادخۋانى ئاقسۇغا ھاكىم قىلدى ۋە مەھمۇت مۇسا توخسابېيىنى سالام ئاغىسى ھەم ئورۇنباسار قىلىپ تەيىنلەپ، توققۇز ئاي ئاقسۇدا تۇرۇپ، ئاندىن قاشغەرگە بېرىپ، ئىككىنچى ئوغلى ھەق قۇلى بېگىمنى ئاقسۇدىكى پانسەت، يىگىت، سەربازلارغا ئەمىرى لەشكەر ۋە ئۆزىنىڭ ئاقسۇدىكى ئورۇنباسارى ھەم سالام ئاغىسى قاتارلىق مەنسەپلەرگە تەيىنلىدى.

تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1872 - يىلى - ت) بەك قۇلى بېگىمنى ھېكىم خان تۆرەملەرنى ھىمايە قىلىشقا ۋە ئۈرۈمچىنى ئىككىنچى قېتىم تەسىر قىلىشقا پەرمان بەردى. ئۇلار ئۈرۈمچى تەۋەسىنى ئون تۆت ئايدا سەھەرەمجان قىلىپ، تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسانىنچى يىلى (مىلادى 1873 - يىلى - ت) سەرتان پەسلىدە يېنىپ كېلىپ، جانابى شەھىرىيارى غازى بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئىگە بولدى. بۇ يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ئىدى. بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان بىرىنچى يىلى (مىلادى 1874 - يىلى - ت) تىنچ - ئامانلىق بىلەن ئۆتتى.

لېكىن، تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1875 - يىلى - ت)، خۇددى بۇ ئەسەرنىڭ مۇقەددىمە ئاخىرىدا بايان قىلىنغاندەك، قامۇل ۋە لەنجۇ سېپىڭ تەرەپتىن داخو، شۇخو (202) دېگەن ئىككى نامدار تۇڭگانى ئوتتۇز مىڭدىن كۆپرەك باتۇر ۋە جەسۇر تۇڭگانى بىلەن تۇرپان ئىقلىمىغا بېسىپ كىردى. ئۇلارنىڭ ئىسلام ئاچقان پادىشاھى ئىسلام، يەنى مۇھەممەت ياقۇپ بەك غازى ئالى خىزمەت كىراملىرىغا ئۆزىمىزنى تاشلاپ، ھىمايەتلىرىگە ئېلىشىپ، ھەممىمىز بىر نىيەتتە تۇرۇپ بېجىن مۇشرىك ۋە دىنسىزلىرىغا قارشى كۈرەشتە بىللە بولساق دېگەن مۇددىئا ۋە غەرەزلىرى بار ئىكەن. ئۇلار بېجىن تەرەپتىن چىققان نۇرغۇن خىتاي چېرىكلىرىگە باراۋەرلىك قىلالماي قېچىپ چىققان ئىكەن. ھېكىم خان تۆرەم ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن ئاش - ئوزۇق چىقىرىپ، تۇرپانغا كىرگۈزمەي، بىر چەت - ياقا بىلەن ئۈرۈمچى، ماناس تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ، تېرىقچىلىق قىلسا ھوسۇل ئالغۇدەك كۆڭرى زېمىن، ئوتلاق ۋە يايلاقلارنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلار دېھقانچىلىق ھەرىكىتى ۋە تەرەددۇتلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى. لېكىن، بۇ تۇڭگانلار قامۇل ئەھلىنى بۇلاپ - تالاپ، شەھەر، سەھرائى - كەنت، ئايماقلارنىڭ چوڭ - كىچىك ئادەملىرىنى ئۇلارنىڭ خوتۇن - بالىلىرى بىلەن بىللە كۆچۈرۈپ ئالدىغا سېلىپ، بەزىلىرىنى پىيادە، بەزىلىرىنى ئاتلىق ۋە ئاچ - يالىڭاچ ھالدا خېلى ئاۋارە قىلىپ ھەيدەپ، بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ھېكىم خان تۆرەم بۇلارغىمۇ رەھمى - شەپقەت قىلىپ، بۇ شەھەر - شەھەر، سەھرائى - كەنت، ئايماقلاردىن كەلگەنلەرگىمۇ ئاش - ئوزۇق چىقارتىپ، كۆپ مەرھەمەتلەرنى قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جانابى ئالى تۇرپانغا قەدەم تەشرىپ كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن، تۇڭگانى دايەنشەي، سۇ يەنشەي دېگەنلەر ئوتتۇز مىڭ تۇڭگانى بىلەن قامۇلغا بېرىپ، ئالڭ - خانلىقنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئاغىچىسى قۇچىن خاننى ئوغلى ۋە بىرمۇنچە ئادىمى بىلەن ئولجا - ئەسىر قىلىپ ۋە بۇلاپ - تالاپ تۇرپانغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ۋەقە يۇقۇرىدا بايان قىلىندى.

يەنە بىر ۋەقە شۇكى، جانابى ئالى بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن نۇرغۇن ھەدىيە ۋە سوغا - سالام راسلاپ، دوستلۇق ئىزھار قىلىپ خەت يېزىپ، ئابدۇلسەمەت ئىشىك ئاغىسىنى لەندەندىكى (203) مەلىكە پەرەڭگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. مەلىكە پەرەڭ بۇنىڭغا تولا ئىپتىخار بىلەن قاراپ، يىگىرمە مىڭ دانە پىستانلىق پاكىز ۋە قىممەت باھا كارخانا مىلتىغى ئەۋەتكەن ئىكەن. بۇ قوراللار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەممە يىگىت، سەربازلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئىككىنچى قېتىم يەنە ئەدارخان تۆرەم بىلەن مۇھەممەت جانبايلارنى لاياقەتلىك نۇرغۇن سوغا - سالام بىلەن ئەلچى قىلىپ، قورال - ياراق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىللا ۋە تەڭگىلەرنى بېرىپ ئەۋەتكەن ئىدى. بۇلار مەلىكە پەرەڭ بىلەن ياخشى سائەتتە ئۇچرىشىپ، قىرىق مىڭ دۇمىلە پاكىز پەرەڭ كالتوس مىلتىغى ۋە مىلتىق ياسايدىغان ئون ئىككى نەپەر ماھىر پەرەڭ ئۇستىسى بىلەن ھەر بىر شىرىسى يۈز جىڭ كېلىدىغان ئىككى يۈز شىرە خۇش پۇراق چاي ئېلىپ كېلىپ، جانابى ئالىنىڭ نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزدى. جانابى ئالى بۇ ئىككى يۈز شىرە چاينىڭ شىرەلىرىنى ئېچىپ، ئوردا ئالىنىڭ سەھنىسىنى خامان قىلىپ تۆكتۈردى. سەھنىدە گۇيا بىر كاتتا دۆۋە كۆمۈك پەيدا بولغاندەك بولدى. ئەمىرى لەشكەر، ئەمىرايى پانسەتلەر، يىگىت، سەربازلار، ھەتتا چوڭ - كىچىك ھەممە مىراخور پاراشلارغىچە ئون لىگەندىن ياكى بەش لىگەندىن، ئەقەللىسى بىر لىگەنچىگىچە چاي مەرھەمەت - ئىنئام قىلدى. ھېچبىر مۇلازىم خىزمەتچى بۇ ئومۇمىي ئىنئامدىن مەھرۇم ياكى نائۈمىت قالمىدى. بۇ شۇنداق خۇش پۇراق ۋە پاكىز چايلار ئىدىكى، گۇيا ئوردا ئىچى، ھەتتا پۈتۈن شەھەر ئىچىگە خۇش پۇراق ئەتىر تۆكۈلگەندەك، ياكى مۇشكى ئەزفەردەك ھەممە ئادەمنىڭ دىمىغىنى خۇش پۇراقلىق ئەتىر قىلىپ ياراتتى.

بۇ كۈنلەردە جانابى ئالى غازىنىڭ دىل ئەينەكلىرىدە يەنە بىر سەپەر قىلىش ئارزۇ - ئىشتىياقى پەيدا بولدى. دەل شۇ چاغدا فەرغانە ۋىلايىتى تەرەپتىن قىپچاق ئاپتابەچىدىن ئەلچى كەلدى. ئۇ توپ، زەمبىرەك قاتارلىق ياراقلار بىلەن قوراللانغان ئىككى مىڭ تۇڭگانى بېرىسىلە، ئورۇس دىنسىزلىرى بىلەن غازات قىلىپ، فەرغانە ۋىلايىتىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئاجراتسام دەپ تەلەپ قىلغان ئىكەن. مەزكۇر ئاپتابەچى بۇ كۈنلەردە بىرمۇنچە قىپچاقنى ئۆزىگە يار - ھەمدەم قىلىپ، ئورۇسىيىنىڭ ئىتائەت ۋە ئىتائىتىدىن باش تارتىپ، بىر چەت - ياقىدا كۈن كۆرۈپ يۈرگەن ئىدى. جانابى ئاتالىق غازى ئۆزىنىڭ دەرھال جاۋابىدا خۇددى رەببانى ئاللادىن ئىلھام كەلگەن ۋە سۇبھانى خۇدا كۆڭلىگە سالغاندەك “ماڭا ئۈرۈمچى تەرەپتە دۈشمەن پەيدا بولۇۋېتىپتۇ. مەن بۇنىڭغا ئۆزەم ئاتلانماقچى بولۇپ قوشۇن ماڭدۇرۇپ تۇرۇۋېتىپمەن. پات - يېقىندا تىنچىتىپ قايتىپ كېلىپ، نۇرغۇن قوشۇن بىلەن ئۆزەم چىقىپ يار - مەدەت بەرمىسەم، بۇنداق چوڭ دۈشمەننى ئىككى مىڭ تۇڭگانى بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ” دەپ شېرىن گەپ ۋە تاتلىق سۆزلەر بىلەن بىر باھانە قىلىپ ئەلچىنى يولغا سالدى.

لېكىن، بۇ ۋاقىت ئاتالىق غازىنىڭ دۆلەت قۇياشىدىن چېچىلغان نۇرلار ئۆز قىيامىدىن زاۋالغا قاراپ ماڭغان ۋە يۇقۇرىغا قاراپ ئۆرلەۋاتقان دۆلىتى بولسا ئىگىزلىكتىن پەسكە قاراپ قەدەم قويغان بىر ھالەتكە كىرگەن ئىدى. ئەھما زامانى ئۇلۇغ ۋە زۇۋالى گۈزەل ئاتالىق غازى تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان ئىككىنچى (مىلادى 1875 - يىلى - ت)، يەنى ئەھەڭ (ئەجىدھا - ت) يىلىنىڭ مىزان پەسلىدە، نەھەڭ ئاغزى تەرەپكە يۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ قەدەم تاشلاپ، يېڭىسارغا كەلدى. لېكىن، ئۇ ئاتلىنىشنىڭ ئالدىدا جامدار دادخۋا، ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەرلەر باشلىق بىرنەچچە كاتتا ئەرباپ دۆلەتخالىق ھەققىدە ئىلتىماس مەلۇم قىلىپ، “جانابى ئالى بۈيۈك بارگاھى سەلتىنەتىدىن قوزغالماي، ھەر قانداق خىزمەت بولسا بىزگە كىمىنە قۇللىرىغا پەرمان ئالى چۈشۈرۈلسە، بىز بېرىپ بۇ خىزمەتنى قىلىپ كەلسەك” دېگەن چاغدا، جانابى ئالى مېھرىۋانلىق بىلەن “سىزلەر قەشقىرەدە بەك بەچچە ئالدىدا تۇرۇڭلار، ئۆزەم بېرىپ كېلەي” دەپ، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى ماقۇل كۆرمىدى. چۈنكى، جامدار دادخۋا، ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەر قاتارلىقلارنىڭ بىز بارماي تۇرۇپ ھېچقانداق دۈشمەن ئېلىنغان ئەمەس دېگەن سۆزلىرى ئۇنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن. شۇڭلاشقا بۇلارنى ئەۋەتمىدى ۋە بىللىمۇ ئېلىپ ماڭماي، ئۆزى ئاتلاندىغان ئىدى دېگەن گەپلەر بار.

بۇ كۈنلەردە زامان رىۋايەتچىلىرىنىڭ خاقانى چىنى تەرەپتىن نۇرغۇن قارا چېرىكلەر چىقىپ قامۇلغا كىرىپتۇ دېگەن يامان خەۋەرلىرى كەلدى. جانابى غازى ئالى مەقام ياركەنتكە كېلىپ چۈشتى. ياركەنتتىكى قازى رەئىس موللا نەمان ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھوقۇق دائىرىسىدىن چىقىپ، يولدىن چەتنەپ، باشقىغا قول ئۇزارتىپ، بىھۇدە ئارتۇق ئىشلارنى قىلغان ئىكەن. خۇسۇسەن خۇددى بىر ئالى ئوردا سىياقىدا بىر كاتتا ھويلا ئىمارەت بىنا قىلدى دېگەن گەپ جانابى ئالىنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا ئاڭلانغان ئىدى. ئۇ بىر كېچىدە مەخپى بېرىپ، بۇ ھالنى ئۆز كۆزى بىلەن ئەينەن كۆرۈپ، ئەتىسى مۇلازىم بۇيرۇپ ئالدۇرۇپ كېلىپ، بۇ قازى رەئىسنى ئەيىبلەپ نەزەربەنت قىلىپ، مال ئەشيالىرىنى ئالى دۆلەتخانىغا تاپشۇرۇپ ئالدى. ئىككى يۈز سەرباز بۇيرۇپ ئىمارەتلىرىنى تامامەن بۇزۇپ، ئورنىغا خالا جاي سېلىشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار بۇ ئىمارەتنى ئون بەش كۈندە بۇزۇپ، ئورنىغا تەرەتخانا سالدى. جانابى ئالى ياركەنتتە يىگىرمە كۈن مىقدارى تۇرۇپ، تەنتەنە ۋە سەلتىنەت ھەم ناھايىتى قاتتىق زىل - زىلىلەر بىلەن ئاقسۇدىكى دار سەلتىنەت تەختىگاھىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى.

بۇ كۈنلەردە خوتەن ھاكىمى نىياز بەك توقسان تارتۇق ئېلىپ كۆرۈنۈشكە كەلدى. ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەي توختىتىپ قالدى. قىش ھاۋاسى ئۆزاپ، باھار كۈنلىرى كەلدى. بۇ جەرياندا تۇرپان، ئۈرۈمچى تەرەپلىرىگە قىل قۇيرۇق لەشكەرلىرىنى ماڭدۇرۇپ تۇردى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان ئۈچىنچى يىلى (مىلادى 1876 - يىلى - ت) جانابى ئالى كۆزلىگەن مەقسىتىنى نىيەت قىلىپ، نىياز ھاكىم بەكنى ئولپەت ۋە ھەمرا قىلىپ، زەپەر ئۆزەڭگىسىگە ئاياق قويدى ۋە يەنە ئەمىرى لەشكەر تۇڭگانى مادالويه، ھەيدەر قۇل دادخۋا، كىرىمبايى مىرزا شاغاۋۇلنىڭ ئوغلى ئىسھاقجان پانسەت، ئابدۇراخمان دادخۋانىڭ ئوغلى ھاپىز بەك پانسەت، قادىر پانسەت، مەمۇر پانسەت، مۇھەممەت ئەلى پانسەت، سەپەر پانسەتلەر باشلىق ئون مىڭ يىگىت ھەم تۆرە قۇل لاۋۇر، كىچىك لاۋۇر، مۇھەممەت ئەپەندى، خېلىل ئەپەندى، مۇھەممەت رەھىم پەھلىۋان، ئۆمەر خوجا ئىشانلار بىلەن ئۈچ مىڭ سەرباز ۋە دۇھۇل - دۇمباق، ناغرا، كاناي، توپ، جازا يىل، زەمبىرەك، توغ، بايراق قاتارلىق سۈلەت ۋە داغ - دۇغا ھەشەمەتلەر بىلەن ئاستا - ئاستا كۇچار - دارۇس - سەلتىنەتىگە كېلىپ چۈشتى. بۇ جايدا بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، ئاندىن ئۆتۈپ كورلىنى مەقامى مەنزىل قىلدى. بۇ يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ئىدى.

بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانى كەنجە ئاخۇن دايەنشەي تەرەپتىن يۈسۈپ بەك ياساۋۇل بېشى دېگەن ئادەم سوغا - سالاملار بىلەن بىر ئەرز ئېلىپ كېلىپ دۇئا قىلدى. ئەرزنىڭ مەزمۇنىدا “بېجىن تەرەپتىن بىرمۇنچە خىتاي چىقىپ، گۇچۇڭىزغا كېلىپ ئورۇنلىشىپتۇ” دېگەن گەپ بار ئىكەن جانابى ئالى بۇ ئەرزنى كۆرۈپ، يەنىمۇ تەھقىق ۋە تەپتىش قىلىپ، ئۇنىڭ راس - يالغانلىغىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن، تاغاي يۈز بېشىنى ئۈرۈمچى، گۇچۇڭزا قاتارلىق جايلارغا ماڭدۇردى. مەزكۇر يۈز بېشى ئۈرۈمچىگە بېرىپ يېنىپ كېلىپ، بىرمۇنچە پاراكەندىلەردىن يىغىلغان خىتاينىڭ گۇچۇڭزىغا كەلگەنلىكى راست ئىكەن دەپ مەلۇم قىلدى. بۇ ئارىلىقتا جانابى ئالى كورلىدىن قوزغىلىپ، قاراشەھەردىنمۇ ئۆتۈپ، ئوششاق تالنى قارار ۋە ئارامگاھ قىلغان ئىدى. ئەمدى بۇ جايدىنمۇ يولغا چىقىپ، مەنزىلمۇ - مەنزىل يۈرۈپ توخسۇنغا باردى.

لېكىن، ئۇ كورلىدىكى چاغدا ئاقسۇدىكى ئوغلى ھەق قۇلى بېگىمنى دەرھال يېتىپ كەلگۈن دەپ، بىرنەچچە ئەمىرايى پانسەتنىڭ نامىنى ئالى ئىنايەتنامىگە كىرگۈزۈپ خەت ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ ئالى پەرمان بويىچە مۇھەممەت كېرىم دادخۋا، بەچچە باتۇر پانسەت، ئالىمباي پانسەت، ئەلى بەك پانسەتلەر باشلىق يىگىرمە نەچچە پانسەت ۋە سەرجەڭگىلەر ئون مىڭ لەشكەر بىلەن ئاتلىنىپ توخسۇنغا بېرىپ، جانابى ئالىنى دۇئا قىلدى. بۇلار كەلگىچە توخسۇندا بىر شەھەر بىنا قىلغان ئىدى. بەك بەچچىنى يىگىتلىرى بىلەن مەزكۇر شەھەرگە چۈشۈردى.

ئەسەد پەسلى ئىدى. جانابى ئالى غازى توخسۇندا تۇرۇپ، ئەمىرى لەشكەر مادالويهنى بىر مىڭ بەش يۈز تۇڭگانى يىگىتى بىلەن، ئەزەم قۇل پانسەتكە يەنە تۆت پانسەت قوشۇپ يىگىتلىرى بىلەن گۇمادىغا ماڭدۇردى. بۇلار ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن، ئەزەم قۇل پانسەت ئۈرۈمچىدىن گۇمادىغا ئاتلاندى. مادالويه بىلەن قالغان پانسەتلەر ئۈرۈمچىدە قالدى. بۇ چاغدا گۇچۇڭ تەرەپتىن بىرمۇنچە خىتاي چىقىپ، ئەزەم قۇل پانسەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى بىرنەچچە كۈن شەھەرگە سۇلاپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈردى. ئاخىرى قارا چېرىكلەر غالىبلىق قىلىپ، گۇمادىنى ئالدى، ئەزەم قۇل پانسەتنى بىرمۇنچە يىگىتى بىلەن شاھادەتلىككە يەتكۈزدى. كېيىندىن مادالويه چېرىكلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ھامى بولۇش ئۈچۈن گۇمادىغا ئاتلاندى. بۇ تېخى يېتىپ بارماي تۇرۇپلا چىداۋان دېگەن شەھەردە خىتايلارغا دۇچار بولۇپ، قاتتىق جەڭ قىلدى. غالىبلىق قىلىپ تۇرغان بۇ بىر پەيتتە، خىتايلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، مادالويه چېرىكلىرى بىلەن دەرھال يېتىپ كەلسۇن دېگەن ئالى ئىنايەتنامە پەرمانى كەلدى. مادالويه يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈزچە تۇڭگانى بىلەن قاشغەرگە ماڭدۇرۇپ، قاشغەرگە بېرىپ، تۇڭگانلاردىن بەش مىڭ يىگىت ئېلىپ تەييارلاپ تۇرۇڭ، ۋاقتى كەلگەندە ئىنايەتنامە بېرىمەن، شۇنىڭغا قاراپ كېلەرىسىز دەپ پەرمان قىلىپ يولغا سالدى. لېكىن ئەزەم قۇل پانسەت بىلەن گۇمادىغا بارغان يىگىتلەرنىڭ تولىسى زىيانغا ئۇچرىدى. زەخمىدار بولغانلىرى جانابى ئالىنىڭ خىزمىتىگە كەلدى، لېكىن ئۇلارغا ئىلتىپات قىلمىدى.

بۇ چاغلاردا، كورلا ھاكىمى نىياز مۇھەممەت توقسابى، ھەيدەر قۇل پانسەت، ئەشمۇھەممەت پانسەت قاتارلىق يەتتە پانسەتنى داۋانچىڭغا پەرمان قىلىپ، داۋانچىڭدا بىر شەھەر بىنا قىلىشقا يارلىق قىلدى. شەھەر ناھايىتى تېزلا پۈتتى، ھەممە قوشۇن شەھەرگە كىرىپ ئولتۇردى. بۇ كۈنلەردە داخو، شۇخو دېگەن تۇڭگانلار ماناس، ئۈرۈمچىدىن كېلىپ، جانابى ئالىغا دۇئا قىلدى. ئۇلارنى بىرنەچچە كۈن توختىتىپ زىياپەت قىلىپ، ئىنئامى - ئېھسانلارنى بېرىپ، ئۈرۈمچىگە ياندۇرۇپ، كۆڭلىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، كىيىم - تون، خەجلىيىدىغان پۇل، تىللالارنى بېرىپ خاتىرجەم قىلدى. بىراق، ئۇ ھەر قايسى ئەمىرى لەشكەر، پانسەتلەرگە تەكلىت ۋە مۇبالىغەلەر بىلەن خەت يېزىپ، خىتايلار بىلەن ئۇرۇشماڭلار دەپ ئالى ئىنايەتنامە ۋە پەرمان ئەۋەتتى. يىگىتلەر ئۇرۇشماي تىنچ تۇردى، لېكىن خىتايلار كېلىپ ئۇرۇش باشلىدى. يىگىتلەر مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولدى ۋە ئۆز جېنىنى ساقلاشقا تىرىشىپ سەۋەبلىرىنى قىلدى. بىراق، جانابى ئالى نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشتۇڭلار دەپ بۇنىڭدىن خاپا بولدى. چۈنكى، جانابى ئالىنىڭ خاقانى چىنى بىلەن يارىشىپ، ياخشى سۈلھى - شەرىتلەر ۋە ئەھدى - پەيمان قائىدىلىرىنى ئانت - ئىمان بىلەن مۇكەممەل ۋە مۇستەھكەم قىلسام دېگەن مۇددىئا ۋە غەرەزلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ مۇددىئاسى ئەمەلگە ئاشمىدى. خىتايلارنىڭ بىرنەچچە كاتتا مەنسەپدارى قولغا تىرىك چۈشتى، ئۇلارغا دەخلى تەرۇز قىلدۇرماي، ئاقسۇ، كۇچار ۋە باينىڭ ھاكىملىرىغا تاپشۇرۇپ، ئايلىق مائاش - كۈلۈپىلىرىنى تەيىنلەپ، ئۇلارنى بىرنەچچە زامانغىچە ئوبدان ئاسراپ باقتى. لېكىن بۇ ھاكىملار كېيىن ئىنايەتنامە كەلدى دەپ ھەممىنى يوق قىلدى. ئۇ يەنە بۇ كۈنلەردە خىتايلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئىنئام خوجا ئىشاننى جاسۇس قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ، ئەھۋالنى بىلىپ يېنىپ كېلىپ، خىتايلار گۇرۇھى ھەددى - ھېسابسىز تولا ئىكەن، ئەلەم، بايراقلىرىنىڭ باش - ئايىغى كۆرۈنمەيدۇ. ئۇلار فەغفۇرچىننىڭ يارلىغى بىلەن چىققان چېرىكلەر ئىكەن دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. بۇ چاغدا تۆرەمنىڭ يىگىتلىرىدىن ئاقسۇلۇق باقىش مىراپ، سىدىق بەك، يۈسۈپ بەكلەر باشلىق ئالتە شەھەر يىگىتلىرىدىن بىرنەچچىسى خىتايلار ئىچىگە قېچىپ كىرىپ كەتتى. تۇرپان بەگلىرىدىن مۇقبۇل بەك، شاھىياز بەك يۈز بېشىلار خىتايلارغا خەت بەرگەن ئىكەن. بۇ خەت جانابى ئالىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقتىن، ئۇلاردىن گۇمانلىنىپ، بۇ بەگلەرنىڭ خوتۇن، بالىلىرىنى ۋە يەنە خىتاي تەرىپىگە مايىل بولغان بىرنەچچە ئادەمنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ (ئۆي - ماكانسىز قىلىپ - ت) ياركەنتكە ھەيدىدى. ھەتتا سېرىق قۇلغىمۇ ماڭدۇردى. شۇنداقلا ئۇ ئەگەر خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ غەلىبە قىلسام نۇر ئۈستىگە نۇر قونار، ئەگەر ئىش ئەكسى نەتىجىگە بەرسە، مۇنداق كۈنلەردە قايەرگىمۇ يېتىپ بېرىش مۇمكىن، چۈنكى، يول ئۆزۈن ۋە چۆلدۇر. ھالبۇكى، بۇنداق ھالەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ خۇن ۋە مال - جېنىغا زامىن بولۇشۇم مۇمكىن دېگەن ئەندىشىلەرنى قىلىپ، خىتايلار بىلەن ئۇرۇشمەن دېمەڭلەر دەپ ئىنايەتنامە بېرىپ، تۇرپاندىن كورلىغا ياندىغان بولدى. ئۇ توخسۇندا تۆت ئاي مىقدارى تۇرۇپ ئەقرەپ پەسلىدە كورلىغا كەلدى. ئۇ دەسلىپىتىلا كورلىدىن قوزغالماي تۇرغىنى ياخشى ئىدى. لېكىن، تەدبىرى تەقدىر سۇبھانىگە مۇۋاپىق چۈشمىدى. ئۆز ئاياقلىرى بىلەن مۇشەققەتلىك قەدەم تاشلاپ ھالاكەت ئاغزىغا بارغان ئىكەن.

جانابى ئالىنىڭ ئەقلى پاراسەت ۋە پەھمى زېرەكلىگى شۇ قەدەر ئىدىكى، ھېچقانداق بىر ئالى دەرىجىلىك پادىشانىڭ ۋۇجۇت زېھنىدە بۇنداق ئەھۋال بولمىغان بولسا كېرەك، ئۇ بۇ يەتتە شەھەرنى ئون تۆت يىل سۈردى. ھەممە ئىشنى ئۆز ئەقىل - پاراسىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلدى. ئۇ بۇ جەرياندا بىرەر دىيانەتلىك ۋەزىر ئىشلەتمىدى، ياكى بىرەر كىشى دۆلەت ئىشلىرى ھەققىدە بىرەر سۆزنى ئۇنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا مەلۇم قىلالمىدى، ياكى بىرەر كىشى گۇناغا لايىق بولغان بىر ئادەمنىڭ ئۆتتۈرىسىگە چۈشۈپ گۇناسىنى تىلەپ ئالالمىدى. ئۇنىڭ دۆلەت قەھرىدە بۇنداق ئىشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. سۆزنىڭ ھاسىلی شۇكى، دۆلەت ئىقبال يۈز كەلتۈرگەندە، مەيلى ئەقلىلىق بولسۇن ياكى ئەقىلسىز - نادان بولسۇن، ھەممە ئىش ئۆزىگە يۈزلىنىپ باھانە - سەۋەپ بىلەن راست ۋە تەييار بولىدىكەن. ئەگەر دۆلەت ئىقبال يانغاندا، گەرچە ئۇ بۈزۈرگىمەھىردەك (204) دانا ۋەزىر ياكى كاتىپ بولغان بىلەنمۇ، قازا ۋە قۇدرەتلىك تەقدىر ئۆز مۇددىئاسىنى يەنىلا ئۆز خاھىشىدەك قىلىدىكەن. ناۋايىنىڭ “كىشىدىن يانسا دۆلەت، ئالغان ئالتۇن تۇپراق بولغۇسى، بەخت كېلىپ يار بولسا، ئالغان كۈلدىن كۈمۈش پۈتكىسى” دېگەن تەمسىلى بۇ خىل ئىش ۋە ئەھۋاللارغا مۇۋاپىق ۋە توغرا كېلىدۇ.

بۇ چاغدا، جانابى ئالى كورلىغا ياندىغان بولدى. سۆيۈملۈك پەرەزەنتى ھەق قۇلى بېگىمنى ئون مىڭ يىگىت، سەربازنى قورال - ياراق، توپخانىلىرى بىلەن توخسۇندا قويۇپ، خىتايلارغا ئوق چىقارماڭلار دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. يېڭى ھىسارلىق ھوشۇر مەھرەم بولسا غەزىنىچى ئىدى. جانابى ئالى كورلىغا مېڭىپ، بىر كۈن كېيىن غەزىنىلەرنى قوزغاپ، بىرمۇنچە نەق پۇلنى ئېلىپ، بىرنەچچە ئادىمى ھەمرا قىلىپ خىتايلارنىڭ ئىچىگە قاچتى. بىرمۇنچە يىگىت ئارقىدىن قوغلاشتى، لېكىن بۇلار يېقىن يەتكەندە ھوشۇر غەزىنىچى تىللا، تەڭگىلەرنى يولغا چاچتى، قوغلاپ بارغانلار تىللا، تەڭگىگە ئولاھتى، ئۇلار بولسا ئۆزاپ بېرىپ خىتايلارغا ئۇچراشتى، جانابى بەدۆلەت باشلىق ھەممە كىشى لەۋلىرىنى چىشلىشتى ۋە ئىلاجى بولماي ئامالسىزلىقتىن پەسلەشتى. ھوشۇر مەھرەم بۇ خىزمىتى ئۈچۈن كېيىن ياركەنتنىڭ ھاكىملىغىغا ئولاھتى.

بۇ كۈنلەردە خىتايلار داۋانچىڭغا كەلگەن ئىدى. نىياز مۇھەممەت توقسابى نەچچە كۈن ئوق چىقارماي سەۋر قىلدى. ئاخىرى ئىلاجى بولمىدى. بۇ يەردىكى ئىككى مىڭچە يىگىت، سەربازنىڭ ئىچىدىن تۆت يۈزچە كىشى تەرتىپ - نىزام بويىچە مەشق قىلىپ، دەرۋازىدىن چىقىپ كاپىرلارغا ئوق چىقاردى. ئازلا مۇددەت ئىچىدە بىر مىڭغا يېقىن كاپىرنى يوق قىلدى. لېكىن جانابى ئالىدىن ئوق چىقارماڭلار دېگەن پەرمان كېيىنى - كېيىندىن كېلىپ تۇردى. شۇڭلاشقا ئەمىرى لەشكەر ياكى يىگىتلەرنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، دىللىرى غازاتتىن تامامەن سوۋۇدى. ئاقىۋەت خىتايلار كۆپلەپ كېلىپ، توپ، زەمبىرەكلەر بىلەن ئېتىپ داۋانچىڭنى بېسىۋالدى. ئالتە شەھەرلىك ئادەملەرنىڭ قورال - ياراقلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قويۇپ بەردى. لېكىن نىياز مۇھەممەت توقسابى باشلىق يەتتە پانسەت، بىرنەچچە مۇساپىر يۈز بېشىنى تامامەن نەزەربەنت قىلىپ، بىرنەچچە زاماندىن كېيىن، پانسەتلەرنى شاھادەتلىككە يەتكۈزدى. قالغانلىرىنى بولسا بېجىندىن ئۈچ ئايلىق نېرى بىر خىتاي شەھىرىگە ماڭدۇردى. بۇلار خىتايلار ئىچىدە يىگىرمە يىل تۇرۇپ، بەزىلىرى ۋاپات بولۇپتۇ. بەزىلىرى يېنىپ كېلىپ فەرغانە ۋىلايىتىگە چىقىپ كەتتى.

بۇ چاغدا ھەق قۇلى بېگىم توخسۇندا ئىدى. ساگدىكى ئاشلىق قاتارلىق ئېغىر نەرسىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇپ بېرىپ كورلىغا قاچتى. خىتاي چېرىگى يېمىشى دېگەن يەتمىش يول يەرگە كېلىپ چۈشتى. ھېكىم خان تۆرەم تۇرالماي توخسۇنغا كەلدى. شۇ كۈنى خىتايلار تۇرپان شەھىرىنى تەسەررۇپ قىلدى. يىگىتلەر يارلىق بويىچە خىتايلارغا ئوق چىقارمىغان ئىدى. ئەگەر ئوق چىقىرىپ ئۇرۇشقان بولسا ئىدى، ئوتتۇز مىڭ يىگىتكە ئون يىلدىن ئارتۇق يەتكۈدەك ئاش - ئوزۇق، بوغۇز - ئوت، ئوتۇن قاتارلىق نەرسىلەر پەقەت تۇرپان، توخسۇنغىلا توپلۇنغان ئىدى. توخسۇندىكى ئاشلىق كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتتى، تۇرپاندىكى ئاشلىق خىتايلارغا نېسىپ بولدى. خىتايلار توخسۇننىڭ بوشاپ قالغانلىغىنى ئاڭلاپ، بەش كۈندىن كېيىن بۇ يەرگە كەلدى. بۇ چاغدا ھېكىم خان تۆرەم، بەك بەچچە ۋە ئەمىرى لەشكەر، سەرباز، يىگىتلەر قارا شەھەرگە كەلدى. جانابى ئالىدىن ئۇلارغا كورلىغا كەلگۈن دېگەن يارلىق كەلدى. بۇلار قورقۇپ بارالماي، بىزگە پەرمان بولسا غازات قىلساق دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. جانابى ئالى ئىلاجسىزلىقتىن قارا شەھەردە ئىلگىرى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىگە بىنا قىلىنغان شەھەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، دەريانىڭ بۇ تەرىپىگە بىر شەھەر بىنا قىلىڭلار دەپ پەرمان بەردى، بۇ شەھەر ناھايىتى ئاز ۋاقىتتىلا پۈتۈپ تامام بولدى. جانابى تۆرەم ۋە ھەق قۇلى بېگىملەرگە ئوتتۇز مىڭ يىگىت ھەمرا ئىدى. جانابى ئالىنىڭ ئالدىدا بولسا ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك مەھرەم، ياساۋۇل ۋە يىگىتلەر ھازىر بولدى.

دەسلىپىكى باھار پەسلى ئىدى. تۆرەملەر ئىككى ئاي مىقدارى قارا شەھەردە ئىستىقامەت قىلدى. بۇ چاغدا جانابى ئالىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ، غەزەپ ئوتلىرى كۈندىن - كۈنگە ئۈشتۈمتۈت ئۆرلەپ تاشىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ بىر كۈنى تاسادىپى موللا كامالىدىن مىرزادىن ناھايىتى قاتتىق كايىپ، ئۇنى تاياققا تۇتتى. ياساۋۇللار كۆچىنىڭ بىرىچە ئۇردى، غەزەپكە چىدىماي ئۆزىمۇ ئۇرۇپ تەپتى، چارچاپ ۋە ھالىسىراپ “سوغاق چاي” دېدى. بىر مەھرەم سوغاق چاي كەلتۈرۈپ بەردى، قولىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئىچتى. لېكىن ئۇ سوغاق چاي ئىچمىدى، بەلكى ئەجەل شەرۋىتى ئىچتى، يىقىلدى - دە، قېتىپ قالدى، رەڭگى كۆكەردى، بەدىنى چاك - چاك يېرىلدى، بىز خۇداغا مەخسۇسدۇرمىز ۋە ھەممىمىزلا ئاقىۋەت ئۇنىڭ دەرگاھىغا بارىمىز. بۇ چوڭ ھادىسە يۈز بەرگەندە تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى سەرتان پەسلى ماھى رەبىئۇسسانىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى (مىلادى 1877 - يىلى باھار پەسلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى - ت) ئىدى.

گەپ - سۆزلەرگە قارىغاندا، جانابى ئالى نىياز ھاكىم بەكتىن كۆڭلى ئېمىن ئەمەس ئىدى. نىياز ھاكىم بەكمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق قەست قىلىپ، ئۇنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، يوقىتىشنىڭ بىر ۋاقتى - ئامالنى تاپالماي ۋە تەدبىرىنىڭ كۆپلۈگىدىن جېنىنى ساقلاپ يۈرگەن ئىدى. ئەمدى ئۇ ۋاقتىنى غەنىمەت كۆردى. ئۇ “ئىنسان ياخشىلىقنىڭ بەندىسى” دېگەن مەزمۇن بويىچە، جانابى ئالىنىڭ بىرنەچچە مەھرىمىگە تىللا، تەڭگىلەرنى بېرىپ، ئۆزىگە رام ۋە ئەسرار قىلىپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى “بەدزاد” تۇرۇغى ۋە ئەسلى يامان بىر مەھرەم بولسا ئۆزۈندىن بۇيان نىياز ھاكىم بەكتىن ۋەزىپە - ئىنئام ئېلىپ كەلگەن ئىدى. نىياز ھاكىم بەك ئۇنى خاس ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بەدۆلەتنى يوقىتىش تەدبىرلىرىدىن تەلىم بەردى. نۇرغۇن تىللالارنى بېرىپ، ئۇنىڭغا ۋەدە - ئەھدىلەرنى قىلىپ “بىر چىنە چايغا ئۆزىڭىز بىلىدىغان ياكى جانابى بەدۆلەت كىشىلەرگە بەرگۈزۈپ تەجرىبە ھاسىل ئەتكەن زەھەردىن قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇڭ. ئۇ قاتتىق غەزەپكە كەلگەندە بۇنى ئېلىپ چىقىپ بېرىسىڭىز، ئاچچىغىدا بىلمەي ياكى پەرق ئېتەلمەي ئىچىۋېتىدۇ. شايەتكى، بۇ تەدبىر بىلەن ئۇنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولار” دېدى. مەزكۇر مەھرەم بۇنداق ئىغۋا ھەم ۋەسوەسە ھېلە - نەيرەڭلەرنى خۇددى نىياز ھاكىم بەكتەك ئۇستا شەيتان ئادىمىدىن ئۆگىنىپ ھەم بۇ ھېلە - نەيرەڭلەرنى كەسىپ قىلغانلىغى تۈپەيلىدىن، جانابى ئالىنىڭ غەزەپ دۆتلىرى شۇلا ئۇرغان بىر چاغىدىلا بۇ زەھەرلىك چاينى ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا بەردى، ئۇ پەرۋا قىلماي ئىچتى. ئۇنىڭ تەدبىرى ئىللاھى تەقدىرىگە مۇۋاپىق چۈشۈپ تامام بولدى دېگەن گەپلەر بار. بەزىلىرىنىڭ گېپىگە قارىغاندا، جانابى ئالى شۇ چاغدا چاينى قولىغا ئالغان ۋە پاراسەت نۇرى بىلەن زەھەرنى بىلىپ، قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ “يا رەسۇلۇللا”نى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ، ئۇنى بىرلا كۆتۈرۈپ ئىچكەن ئىكەن. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇ سۈننەت يولى بويىچە چاينى ئايرىم - ئايرىم ئۈچكە بۆلۈپ ئۈچ مەرتىۋە ئىچەر ئىدى دېگەن گەپلەر بار، دېمەك قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى ئالى مىقدار گەردۇن مادار پادىشا بولسۇن ياكى خارلانغان ئاجىز گاداي بولسۇن، ھەممىسىلا ئەجەل شەرۋىتىنى ئىچمەي ۋە جان ئاچچىغىنى تېتىماي ئەسلا ئىلاج ۋە چارە يوقتۇر. ئەجەل سائىتى يەتكەندە ھەممە ئىنسان ۋە جان ئىگىلىرى باراۋەر ۋە ئوخشاشلا يەكسان بولىدۇ. قۇرئانى كېرىمدىمۇ “ئىنسانغا ئەجەل كەلسە بىر سائەتمۇ ئىلگىرى كەلمەيدۇ ۋە بىر سائەتمۇ كېيىن قالمايدۇ” دېگەن ئايەت بار، بۇنىڭغا قارىغاندا، ھەممە ئىنسان ۋە جان ۋاقتى كەلگەندە بىرەر باھانە ۋە سەۋەپ بىلەن بۇ بىباقى ئالەمدىن ئاخىرەت دۇنياسىغا كېتىدىكەن. “ھەممە شەيئى ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ” دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، ئاللانىڭ ئادىتى شۇ تەرىقە بىلەن بولۇپ كەلگەن ۋە بۇنى ھەقىقى ئىجرا قىلغۇچىمۇ دەل ئاللانىڭ ئۆزىدۇر. ئاللا نېمىنى خالىسا، شۇنى قىلالايدۇ ۋە نېمىنى ئىرادە قىلسا شۇنىڭغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. قىتئە:

پادىشاھ سايەئى لۇتفى ئىللاھ،

نۇر شەمئىدىن پەلەك تېپىپ زىيا،

ئالەئى نۇرى تېپىپ ئېپسۇس زۇۋال

كەتتى بۇ فانى جاھاندىن ئاھ - ئاھ.

ئاللانىڭ “بارلىق ھايات ئۆلۈمنى تېتىيدۇ” دېگەن ھۆكۈمى بويىچە، ئەنبىيائى مۇرسەلىن ئەلەيھىم ئەسسالاۋات ئەتتەھىيە ۋە ئاللانىڭ رازىلىغىغا ئېرىشكەن قەدىمقى ئەۋلىيالار، ھەتتا بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىلا ئەجەل شەرۋىتىنى ئىچمەي قالمايدۇ. “بارلىق ئىنسان يوقالغۇچىدۇر” دېگەن ئايەتكە قارىغاندا، بۇ قارارسىز ئالەم ئىچىدە ياشىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىلا ماتەم كىيىمىنى كىيىمەسلىگى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۆلىمالار ۋە فازىللار تايىپىسى بەلكى ئادەم ئەۋلادىنىڭ چۈشەنچىسىگە رۇشەن ۋە ئاشكارىدۇركى، ئۇ ھەمىشە ھايات ئاللا ئۆزىگە تېگىشلىك ئۇلۇغ مەرتىۋىسى ۋە ھەممىگە يەتكۈدەك لۇتپى ئارقىلىق ئادەم خېلىدىن بىرىنى تاللاپ “ئۆز مۈلكىنى ئاتا قىلالايدۇ” دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە، تاج ئەفسەر ۋە زىننەت تۈمىغىنى ئۇنىڭ مۇبارەك بېشىغا لايىق ۋە سازاۋەر قىلىپ، ئۇنى تەختى سەلتىنەت ئۈستىدە مۇقىم قارارلاشتۇرۇپ، “سۇلتان ئاللانىڭ سايىسى” دېگەندەك، ئۇنى ھەممە ئادەم گۇرۇھىغا پادىچى ياكى سۇلتان قىلىدىكەن. ئاخىرى يەنە ئۇ بىھتىياجسىز ھايات ئىگىسى ئۆزىنىڭ كامىل قۇدرىتى ئارقىلىق باي مەملىكەت دۇنياسىدىن ئۇنىڭ قولىنى قىسقا قىلىپ، خۇددى قۇرئان ئايەتلىرىدە ئېيتىلغاندەك، ئۇنى يەنە ھېچبىر كۆز كۆرمىگەن ۋە مەخسۇس چېدىرلاردا ئورۇنلاشقان ھۆر قىزلرى بار ئالى دەرىجىلىك جەننەتكە يۆتكەپ، ئاستىلىرىدىن ئېرىق سۇلار ئېقىپ تۇرغان جەننەتنىڭ راھىتى تەرىپىگە مايىل ۋە ئىختىيار قىلدۇرىدىكەن. مەسنەۋى:

ئۆمۈر كۆرمەك ئۆزۈن ئەمىرى ماھالدۇر①

بۇ دۇنيانىڭ باقاسى② پات زۇۋالدۇر.

ھەمىشە بولماغايلار پادىشاھلىق،

ئۈمىت يوقمۇ بەلكى دۇنيادىن ئاپالىق.

ھەمىشە يوق تىرىكلىك ھېچ كىشىگە،

ۋاپا يوق دۇنيانىڭ نېئمەتلىرىگە.

جاھان فانى دۇرۇر ئەي خۋاجە زىنھار③

كى سەن باقى تەسىۋۋۇر ئەتمە ئەي يار.

كى ھەق دۇرۇر دۇنيا ئەرۇسى④.

بېرۇر فانى ۋەلى⑤ كۆرگۈزسە ئانى.

مەسنەۋى: بىۋاپا دۇر پەلەك بۇ قەلەمۇن⑥،

ساز ئاھاڭغا يوق بىر قانۇن⑦.

يوق باقا شەھ ئىلە شەۋكەتكە داغى⑧،

يوق ۋاپا ئۆمۈر ئىلە دۆلەتكە داغى.

كۆركى ھەر شەكلى يۈرۈپ ئالدى جاھان،

بارچە باردۇرمۇ قارايەرگە نىھان⑨،

─────────

① ئەمىرى ماھال - مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ياكى ئارزۇ.

② باقا - باقى، ھەمىشە بار بولغان.

③ زىنھار - ھەرگىز.

④ ئەرۇسى - كېلىن، يېڭى توي قىلغان قىزى.

⑤ ۋەلى - ۋەلىكىن.

⑥ قەلەمۇن - ھەر خىل قىياپەتلىك دەۋر.

⑦ قانۇن - قالۇن (چالغۇ ئەسۋابى).

⑧ داغى - يەنە، تېخى.

⑨ نىھان - يوشۇرۇش.

ھەم كىيۇمەرس ئىلە ھوشەڭ قانى①؟

ئىككىگە تاج ئىلە ئەۋرەڭ قانى②؟

قانى جەمشىت، فەرىدۇن ئاخىر③،

بىرىنى گەردۇن④ قويمادى ئاخىر.

ئەكىيانى بار، نە ساسانى⑤،

نە ئىسكەندەر داغى نە ئەشكانى⑥.

قانى رۇستەم ئىلە سام داغى⑦؟

يەزدىجەرد ئوتى جەھرام داغى⑧؟

قانى خانلار خانى ئول چىڭگىز خان؟

ئوكتاي خانىكىم ئېردى قاغان.

قانى تېمۇر شەھ ئىسلام پاناھ⑨؟

كى جاھان ئالدى چېكىپ خەيلى سىپاھ⑩.

تافەلەك بىلدى تەئەددى فەننى،

قايسىدىن ئالمادى ئۆز بەرگىنى.

─────────

① كىيۇمەرس ئىلە ھوشەڭ - ئىران پادىشالىرى.

② ئەۋرەڭ - تەخت.

③ جەمشىت، فەرىدۇن - ئىران پادىشالىرى.

④ گەردۇن - زامان، دەۋر.

⑤ كىيانى، ساسانى - ئىران سۇلالىلىرى.

⑥ ئەشكانى - ئىران سۇلالىسى.

⑦ رۇستەم، سام - «شاھنامە»دىكى ئەپسانىۋى قەھرىمانلار.

⑧ يەزدىجەر، بەھرام - ئىران پادىشاسى نۇشىرۋاننىڭ نەۋرىلىرى.

⑨ تېمۇر شەھ - ئەمىرتېمۇر كوراگانى.

⑩ خەيلى، سىپاھ - كۆپ قوشۇن.

كىمكى قۇياش بەردى نەۋجىگە شەمست①،

كىمنى يەنە قىلمادى تۇپراققە پەست.

كىمگە بىر نوش ئىلە يەتكۈزدى بەھەر②،

كىم يەنە تۇتمادى ساغىرى زەھەر③.

چۈن بۇ مەئنى بۇ سۈپەت بولدى ئادا.

كىمنى شەھ قالغۇسى باقى نە گادا④.

لۇتپ قىلغاي ئاڭا كىم ھەبىبى غەفۇر⑤،

دۇنيەۋى ئاخىرەتى نى مەئمۇر⑥.

13

ئۇ پادىشاھى ھەفتە شەھەر⑦ ئەتنى مۇھەممەت غازى دىنپەرۋەرنىڭ دۆلەت ئىقبالىغا سەۋەپ بولغان ياخشى ئەخلاقلىرى ۋە دۆلەت ئىقبالىنىڭ زاۋالغا قاراپ مېڭىشىغا سەۋەپ بولغان يامان سۈپەتلىرىنىڭ بايانى

جاھان ئاقىللىرىنىڭ ئاق نۇرلۇق كۆڭۈللىرىگە ۋە دەۋران

─────────

① شەمست - ئوق.

② بەھەر - پايدا.

③ زەھەر - زەھەر.

④ گادا - يوقسۇل، كەمبەغەل، گاداي.

⑤ ھەبىبى غەفۇر - گۇنالارنى كېچىرگۈچى دائىمى ئاللا.

⑥ مەئمۇر - باي. ئاۋاتچىلىق.

⑦ ھەفتە شەھەر - يەتتە شەھەر.

فازىللىرىنىڭ قۇياشتەك ئوچۇق نەزەرلىرىگە رۇشەن ۋە ئاشكارا بولغايكى، خۇداۋەندەكېرىم ئۆزىنىڭ كامىل قۇدرىتى بىلەن ئۇ شەرىئەتكە راۋاج بەرگۈچى ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرغۇچى، ئۆلىمالارنى دوست تۇتقۇچى، پۇقرا - خەلقنى تەربىيىلىگۈچى، يامان ئادەتلەرنى تۈگەتكۈچى، زۇلۇملارنى يوقاتقۇچى شەپقەتلىك ۋە مېھرىۋان ئاتا، يەنى مۇھەممەت ياقۇپ بەك غازىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئۈستۈن يارىتىشنى ئىززەتلىك قىلىپ ياراتقان ئىكەن. ئۇ پەھم - پاراسەت ۋە ئەقىل - ئىدراكتا تەڭداشسىز، قۇۋۋەت مۇھاپىزەتتە مىسلىسىز، سىياسەت ئىجراسىدا ئوخشىشى يوق ئىدى. بۇنداق خۇسۇسىيەتلەر ھەر قانداق پادىشانىڭ ۋۇجۇدىدا بولمىغان بولسا كېرەك. كۆپچىلىك خەلق ئۇنىڭ پاراسەتلىرىنى كارامەت دەپ بىلەتتى. ئۇنىڭ ئورنى ۋە قۇۋۋىتى يەتكەن ۋىلايەتلىرى ھەقىقى ۋەلىلەرنىڭ دەرىجە ۋە مەرتىۋىسىگە يەتكەنىدى، لېكىن ئۇنىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا قاراشلىق يۇرتلار شەرقتە گۇمادى، غەربىتە سېرىق قولغىچە يۈز كۈنلۈك مەنزىل ئىدى. شىمالى مۇزداۋان ۋە زەۋقى، جەنۇبى قاراڭغۇ تاغقىچە سەكسەن كۈنلۈك يول ئىدى. ئۇ بۇ ھۇدۇت ئىچىدىكى ئۈرۈمچى تەۋەسى ۋە يەتتە شەھەر دائىرىسىدىكى چوڭ - كىچىك ئوتتۇز تۆت ھاكىملىق شەھەرگە ئون تۆت يىل پادىشا ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سۇلتان بولدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ توغرا مىجەزىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ياكى غەيرىلىك بولمىدى. نەپىسىنىڭ تۆۋەنلىگى ھەم مەنسەپكە بېرىلمەسلىگى تۈپەيلىدىن، ئۇ ھېچقاچان ئۆزىگە پادىشا، ياكى سۇلتان ۋە ياكى خان دەپ لەقەپ قويغان ئەمەس. مۇھۈرىنىڭ چۆگىلىغى پەقەت ئاۋۇزنىڭ ئۇرۇغىچىلىكلا بولۇپ، ئۇنىڭغا “مۇھەممەت ياقۇپ” دېگەن خەت نەقىش قىلىنغان ئىدى. دەسلىپىكى مەنسىۋىگە بەدۆلەت غازى دېگەننى قوشتى. مەندىن غەيرىسى يوق دېگەن سازدىن سادا چىقىرىدىغان پادىشا ۋە خاننى (205) ئۆزىنىڭ ئىدارە ئاستىغا كىرگۈزۈپ، غەزىنە بايلىق، قورال - ياراق، ئەسكەر ۋە پۇقرالىرىغا ئىگە بولدى.

ئۇنىڭ قىياپىتى بۇغداي ئۆڭلۈك، چېچەكلىك ئىللىق چىراي، يۇمىلاق ساقاللىق، ئوتتۇرا بويْلۇق دۇغىلاق كىشى ئىدى. دەسلىپىتە ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن، شەرىئەت ئۆلچىمى ئىچىدە ئۆتتى. ئۇ پېئىل ئەتۋارى ۋە ئىش - ھەرىكەتتە خۇددى بىر تەقۋادار ئىشان ياكى ئەدەپلىك ئۆلىماغا ئوخشايتتى. كىيىم - كېچەكلىرى خۇددى بىر سودىگەر ئەشرەپىنىڭكىدەك، مىنىدىغان ئات ۋە ئىشلىتىدىغان قورال - جابدۇقلىرى بولسا بىر پىنجابلىشى مىقدارى كېلەتتى. ئۇ دائىم ئاق جايناماز كېگىز ياكى بورا ئۈستىدە سەللە بىلەن خۇددى نامازغا ئولتۇرغاندەك يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بەل تاسمىسىنى بېلىدىن يېشكەنلىگى ياكى يەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغانلىغىنى ھېچكىم كۆرمىگەن ئىدى، ئۇ ئىگىز يەردە ياكى كات تەخت ئۈستىدە ئولتۇرمايتتى. ئەكسىچە، كۆپ ۋاقىتلاردا چېدىر - بارگاھ ئالدىغا سېلىنغان بورا ئۈستىدە ۋە پەس جايدا ئولتۇراتتى. يەرگە تاھارەتسىز ئاياق قويمايتتى.

“خەلق ئۆز پادىشاسىنىڭ دىنى بىلەن” دېگەن ماقال بويىچە، ئۇ چاغدا ھەممە چوڭ - كىچىك ئادەم ھەمىشە تاھارەت بىلەن يۈرەتتى. ناماز ۋاقتى كەلگەندە، ئالى بارگاھ مەسچىتىنىڭ مۇئەززىنى ئەزان ئوقۇش بىلەنلا، باشقا ھەممە مۇئەززىنلەرمۇ تەڭلا باراۋەر ئەزان ئوقۇياتتى. ھەتتا بازارچىلارنىڭ ھەر بىر دۇكىنىدىمۇ بىر ئادەم ئەزان ئوقۇياتتى. شەھەر، سەھرالاردىكى مەسچىتلەرنىڭ مۇئەززىنلىرىمۇ بىرلا ۋاقىتتا تەڭ - باراۋەر ئەزان ئوقۇياتتى. ئىلگىرى كېيىن ئوقۇمايتتى. بىر مەرتىۋە ئەزاننىڭ دۇئا مۇقەررەرىنى ئوقۇپ تاماملىغىچە، بىر شەھەرنىڭ ھەممە مۇئەززىنلىرى ئەزانىنى تاماملاپ بولۇشى كېرەك ئىدى. ھەممە مۇئەززىنلەر مۇئەززىنەدە تۇرۇپ جانابى ئالى ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىت مۇئەززىنىنىڭ ئەزان ئوقۇشىغا قاراپ تۇراتتى. ھەتتا ئۇلار كېچىلەردە سەھەر قوپۇپ، تاھارەت بىلەن مەسچىتلەرنىڭ ئۆگىزىسىگە چىقىپ، سالاۋات ئېيتىپ، دۇئا ئىستىغپار بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەسچىت ئالىنىڭ ئەزانىغا قۇلاق سېلىپ ھازىر تۇراتتى. رەئىس ۋە مۇھتىسىپلەر كوچا - بازارلاردا يۈرۈپ “ئەي مۇئەززىنلەر، ئەزانغا ھازىر بولۇڭلار، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قالمىسۇن” دەپ تەھقىق ۋە تەپتىشلەرنى قىلاتتى.

جانابى ئالى ھەر قېتىملىق نامازنى ئەقەللىسى بەش يۈز كىشى بىلەن ئادا قىلاتتى. نىياز ھاكىم بەك ئېلىپ كەلگەن تارتۇقلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ياساتقان بىر كاتتا مەسچىت بار ئىدى. ئۇنىڭ تېشى مەھەللە چەكمەن، ئىچى زەيتۇن چەكمەندىن ئىشلەنگەن بولۇپ، سەككىز تۈۋرۈك قويۇلغان ئىدى. ھەر قايسى تۈۋرۈكلەر مەشتۈت تازاپ ئارقان بىلەن بىرىگە چېتىلغان ئىدى. قىرىق نەپەر مەھرەم بىلەن قىرىق نەپەر پاراش كېچە - كۈندۈز بۇ مەسچىتكە مەسئۇل ئىدى. بۇنى تىكىدىغان ۋە يىغىپ ئالىدىغان چاغدا يەنە يۈز نەپەر ياساۋۇل ياردەمدە بولاتتى. سەپەرگە ماڭغاندا، بۇ مەسچىتنى يىگىرمە ئاتقا، جاينامازلارنى تۆت ئاتقا يۈكلەپ ئېلىپ ماڭار ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئون سەپ كىشى ناماز ئوقۇياتتى. ھەر بىر سەپتە ئەللىكتىن بەش يۈز كىشى تىزىلىپ تۇراتتى. بۇ مەسچىت باشقا ھەممە مەسچىت ۋە چېدىر - بارگاھلاردىن ئەقەللىسى تۆت - بەش گەز ئىگىز ئىدى. ئۇنىڭ تۆت تۈۋرۈگى ئۈستىگە ئادەم تۇرغۇدەك قىلىپ تۆت ئاق قۇببە ئورنىتىلغان ئىدى. بۇ خۇددى كۈن نۇرىدەك ئايىغا ئوخشاش نۇر چېچىپ يالىلداپ تۇراتتى. بۇنىڭ نۇرىنى ئىككى ياكى ئۈچ تاش مىقدارى يىراقتىنمۇ كۆرگىلى بولاتتى.

شۇنداقلا، بۇ چاغدا ھەر قانداق چوڭ - كىچىك ئەسكەر ياكى پۇقرا كوچا ۋە بازارلاردا دەستارسىز (سەللىسىز - ت) يۈرەلمەيتتى. رەئىس ۋە مۇھتىساپچىلارنىڭ تەھقىق ۋە تەپتىشى ناھايىتى قاتتىق ئىدى. ئەگەر ئۇلار توماق ۋە دوپپا بىلەن يۈرگەن كىشىنى كۆرسە، ئۇنىڭ توماق ۋە دوپپىلىرىنى قايچىدا كېسىپ ياكى يىرتىپ پارە - پارە قىلىۋېتەتتى. ھاراق - شاراپ، بەڭ - بوزا، تاماقا، نەغمە - ناۋا ۋە ئوسۇڭ - ساما قاتارلىق مەنى قىلىنغان پايدىسىز نەرسىلەرنىڭ مەخپى ۋە ئاشكارا بولۇشىغا زادىلا يول قويۇلمايتتى. ھەتتا بۇ ئەھۋال خالايىقنىڭ ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ يوقالغان ئىدى. مۇتەسىپلەر شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە قارشى دائىم تەييار تۇراتتى. يولسىز باشباشتاقلار، پىتنە - پاساتچىلار، ئۇرۇش - تالاشچىلار، بىكار تەلەپ بۇزغۇنچىلار، ئوغرى، قىمارۋازلار، سۇكۇكەپتەۋازلار قاتارلىق بىھۇدە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى جانابى ئاتالىق غازىنىڭ قەھرى سىياسىتى ۋە پاللىداق قىلىچ قەھرىيىتى، سۈلەت - ھەشەمەتلىرىدىن قورقۇپ، يالۋۇرۇپ توۋا ئىستىغپار بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئەگەر، ئۇرۇش - تالاش ياكى تۆھمەت ۋە خۇسۇمەت قىلغان ئادەملەر ئالدىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇلارنى دەرھال يۈز بېشى، پانسەت ياكى جاللاتنىڭ ئالدىغا تاپشۇرۇپ سەرباز قىلاتتى. جانابى ئالى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئەرزى دات سورايتتى. يىگىت، ياساۋۇللار كوچا، بازارلاردا “ئەرزى داتلىرىڭ بارمۇ” دەپ جار سېلىپ، دەرىدى بارلارنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا توغرا قىلاتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئەرزى داتلىرىنى ئوقۇتۇپ ئاڭلاپ كۆرۈپ، يىگىت قوشۇپ شەرىئەت قازىلىرىنىڭ ھوزۇرىغا ئەۋەتەتتى. ھەر قانداق چىگىش جېدەل ياكى دەۋا، خۇسۇمەتلەرمۇ ئۇلۇغ شەرىئەت ھۆكۈملىرى بويىچە بىر سائەتتىلا بىر تەرەپ بولاتتى. چۈنكى، ھەر قانداق ئادەم جانابى ئالىنىڭ سۈلەت ۋە سىياسەتلىرىدىن قورقۇپ ياكى ئەندىشە قىلىپ، تۆھمەت ۋە خۇسۇمەتلەرنى تىلغا ئالالماس ئىدى. دەۋاگەر ۋە جاۋاپكارلار راستىنى بايان قىلىشتىن باشقا چارە ياكى ئىلاج تاپالماس ئىدى. ھازىرقى چاغدا بىر يىلدا تۈگىمەيدىغان دەۋالار، ئىسلام زامانلىرىدىكى شەرىئەت ھوزۇرىدا بىر كۈندىلا تۈگەپ كېتەتتى. بۇرۇنقى تەكىببۇر بەگلەر، ئەيانى ئەشرەپلەر ۋە بەگزادىلەر يانچى، قانچى، پۇقرائى خالايىقنىڭ ئورنىنى باراۋەر قىلىپ، پەرقىنى يەكسان قىلدى. ئۇ زاماندا بۆرە قوي بىلەن بىر كۆلچەكتىن سۇ ئىچەتتى، كېپتەر لاچىن بىلەن بىر شاختا چۆجە چىقاردى دېيىشكە بولاتتى. ئۆتكەن سۇلتانلار پادىشا مۇجازىلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلغان تارىخ كىتابلىرىدا، ئەمىر تېمۇر كوراگانى، مىرزا سۇلتان ھۈسەيىن بىنى مىرزا بايقارا قاتارلىق ئۇلۇغلار تەرىپلەنگەن ئىكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ يۇرت ۋە ئەسكەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ۋە ھەشەمەتتە جانابى ئالى بەدۆلەت ئۇلاردىن ئەسلا كەم ئەمەس ئىدى. شۇنداقلا بۇ ئۆتكەن سۇلتانلار ھاراق - شاراپ ۋە باشقا مەنى قىلىنغان ئىشلاردىن خالى ئەمەس ئىدى. لېكىن جانابى ئالىنىڭ كۈچلۈك دۆلىتىدىكى پۇقرائى خالايىق، ھەتتا ئۇنىڭ ئومۇمى تەۋەلىگىدە بۇ خىل مەنى قىلىنغان ئىشلارنىڭ بولغانلىغى ياكى ئاڭلانغانلىغى ئەسلا مەلۇم ئەمەس. خەلىپائى بەرھەق يەنى خەلىپە ئابباسىلارمۇ بۇ خىل ئېچىنىشلىق ۋە مەنى قىلىنغان ئىشلاردىن خالى ئەمەس بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىگى بۇ ئىشلارنى قىلىشقا ئىجتىھات بىلەن تىرىشاتتى. شۇڭلاشقا جانابى ئاتالىق غازىنى بۇ ئۆتكەن سۇلتانلاردىن ئۈستۈن قويسا ھەرگىزمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ.

گەپنىڭ قىسقىسى، جانابى ئالى مۇقام شەرىئەت شېرىپنىڭ يوللىرى، ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش ۋە يولدىن چىقىش قاتارلىق ئىشلارغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى. شۇڭلاشقا، شەرىئەت ئۆلىمالىرى، ئىمام پېشۋالار، دىنىي يولباشچىلار، ۋىلايەت ياكى يىگىت ئەمىرايىلىرى ۋە باشقا ئەمەلدار كاتتا باشلارنىڭ بىرەر رەسمىي زورلۇق شەرىئەتكە تاجاۋۇز قىلالماس ئىدى. ئەگەر ئۆلىمالاردىنمۇ سەۋەنلا گۇنا ياكى خاتالىق سادىر بولىدىكەن، ئۇلارمۇ ئازاپ - ئەلەم ۋە ئىسكەنجە - سىقىمغا مۇپتىلا قىلىناتتى. ھەر قايسى شەھەردىكى ھەر قانداق ئادەم پەقەت موللا ياكى شەرىئەتپەرۋەرلا بولىدىكەن، ئۇ ئاتا - بوۋىسى ۋە ئەجدادى نەسەپلىرىنىڭ ئۇلۇغ ياكى پەس بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، “ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى” دېگەن ھەدىس شېرىپنىڭ مەزمۇنى بويىچە، ھامان قازى، ئەلەم، مۇپتى، رەئىس، مۇتەسىپ، موللا مۇدەررىس، ئىماملىققا تەيىنلىنىپ، يارلىق ۋە مەشۇرنامە بىلەن ئۇلۇغلىناتتى. نۇسرەت نىشانلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ قازى ئەسكەر، مۇپتى ئەسكەر، رەئىس، مۇھتىساپچىلار ھازىر ۋە تەييار ئىدى. جېدەل - ماجىرا، خۇسۇمەت - دەۋالارمۇ شەرىئەتنىڭ ئادىل ھۆكۈم ئۆلچەملىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىناتتى. بۇ زاماندا جانابى ئاتالىق غازى بۇ يەتتە شەھەر ئاھالىسىگە ھۆكۈمران ئىدى، ئۇ “ئىسلام ئۆزىدىن بۇرۇنقىنى يىقىتىپ ۋەيران قىلىدۇ” دېگەن ھەدىس بويىچە، نەچچە زامان ۋە نەچچە دەۋران خىتايلار ئىستىلاسى جەريانىدا ئادەت ۋە جارى بولۇپ كەلگەن بىدئەت يامان ئىشلار، خۇددى ھەدىس شېرىپتە “بىللە بولسا تەسىر قىلىدۇ” دېگەندەك خالايىقنىڭ دىل - كۆڭۈللىرىگە خۇددى سۈننەت قائىدىلىرىدەك ئوبدان كۆرۈنۈپ ياكى ئاڭلىنىپ جارى ۋە رەسىم بولۇپ قالغان يامان ئادەتلەرنى ئاللانىڭ رازىلىغى ئېرىشكەن ھەممە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرىغا سېلىشتۇرۇپ ۋە تەتبىقلاپ تامامەن يوق قىلدى.

ئەسلىدە بۇ يەتتە شەھەر ئىچىدە ھاممام بولمىغان ئىدى. قاشغەر، ياركەنت، ئاقسۇدا ھاممام بىنا قىلدۇردى. زاكىرجان قارىنى مەككە مۇئەززەمىگە ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەر نامىدا تەكىيە خانا (مېھمانخانا - ت) بىنا قىلىشقا تەيىنلىدى. قۇرۇلۇش ئەمدىلا باشلىنىپ تېخى پۈتكۈچە ئۇنىڭ ئۆمىرى ۋاپا قىلمىدى. ئۇ يەنە ھەر قايسى شەھەرنىڭ ئەمەلدار ۋە كاتتا باشلىرىغا بۇ يەتتە شەھەر ئىچىدىكى نۇرغا تولغان مازار - ماشايىخلارنىڭ سېنالىرىنى كېڭەيتىش ياكى يېڭىۋاشتىن بىنا قىلىشقا يارلىق چۈشۈردى. ئۇ يەنە ئۈستا بېشلارنى تەيىنلەپ، خانىقا، مەسچىت پېشتاقلىرىنى ئىگىزلىتىپ ۋە پۇختا تاش خىش، مەرمەر قاتارلىقلار بىلەن زىننەتلەپ، سىر، گىل، گەج قاتارلىقلار بىلەن سىرلاپ پارقىرىتىپ، تېخىمۇ ئالاھىدە قىلىپ يېڭىلىدى. يوللاردىكى قونالغۇ - راباتلارغا قورغانچە بىنا قىلىپ، چىرايلىق ئىمارەتلەرنى تەييار قىلدۇردى. جۈملىدىن قاشغەردىكى ھەزرىتى ئاپاق خوجامنىڭ خانىقا پېشتاقلىرىنى يېڭىدىن بىنا قىلدۇردى. بولۇپمۇ گۈمبەزىنى بۇزۇپ كېڭەيتىپ، پىششىق خىش بىلەن بىر ئالى گۈمبەز بىنا قىلدىكى، بۇ يەتتە شەھەر ئىچىدە بەلكى موغۇلىستان ئۆلكىسىدىمۇ بۇنچىلىك ئالى ۋە كۆركەملىك گۈمبەز ھېچقاچان بىنا قىلىنغان ئەمەس. بۇنىڭ مەسچىت، خانىقا ۋە ئىگىز پېشتاقلىرى ھېلىمۇ ئۆز ئورنىدا مۇستەھكەم تۇرماقتا. بەلكى بۇ نەچچە ئەسىردىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداقلا تۇرسا كېرەك. ئەھما جانابى ئالىنىڭ دەبدەبە ۋە سۈلەت يۇلتۇزى، ھەشەمەتلىرى كۆزدىن غايىپ بولدى. لېكىن بىنا قىلىپ ياساتقانلىرى نەمۇنە ۋە نىشانە قالدى.

شۇنىڭدەك، جانابى ئالى غازى ھەر بىر شەھەرگە قەدەم تەشرىپ قىلسا، بۇ شەھەرگە بىر مەنزىل قالغاندا بىر ئىشەنچىلىك مەھرەم ئارقىلىق شۇ جايدىكى مەكتەپدار موللىلارغا كىيىم - تون ۋە بىرىدىن قىزىل تىللا ھەدىيە - سوغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، مەكتەپ بالىلىرىنى ئازات قىلدۇرۇتۇپ، مەكتەپخان بالىلاردىن جانابى ئالى ھەققىدە دۇئا ئالاتتى. مەزكۇر مەكتەپدار موللىلار بالىلىرىنى شەھەرنىڭ تېشىغا ئېلىپ چىقىپ دۇئا قىلاتتى. جانابى ئالىمۇ ئېتىدىن چۈشۈپ مۇلايىم چىراي بىلەن بالىلارنى كۆرۈپ كۆرۈپ ئون تەڭگە، بەش تەڭگە، ئەقەللىسى بىر تەڭگىگىچە ئاق تەڭگە ئىنئام قىلاتتى. كالامى شېرىپ ئوقۇيدىغان بالىلارغا كالامى شېرىپ، ھەپتىيەك ئوقۇيدىغان بالىلارغا ھەپتىيەك شېرىپ ئېھسان قىلىپ، ئاندىن ئاتقا مىنىپ شەھەرگە ياكى ئالى بارگاھلىرىغا بېرىپ چۈشەتتى.

جانابى ئالى يەنە ھەر ۋاقىت زەپەر ئۆزەڭگىسىگە ئاياق قويغان چاغدا، ئەقەللىسى ئون مىڭ يىگىت، سەرباز بىلەن بىللە سەپەر قىلاتتى. بۇنداق چوڭ قوشۇن ئىچىدىنمۇ جاراڭ - جۇرۇڭ ياكى يۇقۇرى - پەس ئاۋاز چىقمايتتى. ئۇلارنىڭ تەرتىپ - ئىنتىزامى شۇ قەدەر ئىدىكى، يىگىت ۋە مەھرەملەر ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سۆز قىلالمايتتى، بەلكى ئاتلىرىمۇ كىشنىيەلمەيتتى. ئۇ يىگىتلەرنىڭ ئەھۋالىدىن بىر دەقىقىمۇ خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. راھەت ۋە پاراغەتنى ئۆزىگە ئەسلا راۋا كۆرمەيتتى.

نەزم:

“ئەگەر خۋايىش ئەتسەڭ ئۆز ئاسايىشىڭ، دىيارىڭدا ئارام ئالالماس كىشىڭ” دېگەن گەپلەر بۇ ئاتالىق غازىنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلەتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يارلىق ۋە نىشانلىرى گۇيا بىر سەجدىگە باش قويۇپ ئولتۇرغان ماشايىخلارنىڭ ئىرشادلىرىدەك ياكى بىر ئايەت ھەدىسلەردىن ھۆكۈم چىقارغۇچى مۇجتەھىدلەرنىڭ ھۆكۈم شېرىپلىرىدەك باشتىن - ئاياق تەربىيە - نەسىھەت ۋە شەرىئەت شېرىپنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم گۈللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ياكى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلار يېزىلغان نىشان ۋە ئىنايەتنامىلەر ئىدى. ئۇنىڭ يارلىقلىرى ئىچىدىن ئىككى پارچە فارسى ۋە بىر پارچە تۈركى تىلدا يېزىلغان يارلىقنى تەۋەررۈك ئۈچۈن كەم ياكى زىيادە قىلماي، ئۆز ئەينى بويىچە كۆچۈرۈپ بۇ سەھىپىگە بېكىتتىم. تا كېيىنكى زامانلاردا بۇنى كۆرگەن ۋە مۇتائىليە قىلغان دىيانەتلىك مەنسەپدارلارنىڭ دۇئا قىلىشىغا سەۋەپ بولارمىكىن دەيمەن.

ئىنايەتنامە ۋە ئەنبىيەرشەمامە فارسى

دۇئاگوئى سەمىمى قازى ئەسكەررا!

بەئىداز تەبلىغ پەيام نەئمۇدە ئەنكى، دەرىن ھەنگام ئانچە مۇكالىمات بەردادخۋاھ ۋە ئانچە مۇئەخخەزات بەتەخمىن زولم شىكەستىناھ ۋە قەلەم ئۈچى ۋە غەيرىھا ۋە ئانچە مەئرىفەت ئەز شەرىئەتى ئىللاھە بەسەۋبى كۈئمە مۇھەممەد ئەزەم بەك رەۋانە ساختەن ۋە بەساھىب ئەزىز مەركەن رەۋانە داشىتە يۇدەئىد. رەسىدە تۇئەزەمەزمۇنەش مۇئتەلەئ شۈدە سەبەب تەزا يۈد خۇرسەندى گەردىد. دۇنيائى فەنايى ئۆ زاھىر ۋە دۇر ئالاتى زۇلىم خۇداۋەند قاھىر ئەست. ئەزخاتىر دايىما دەرھەر ئەفئال ۋە ئەھمال ھازىر ۋە نازىر ئەست. ئەزخاتىر دۇرنە ساختەراستى بەمەشھۇن ھەق رۇستى كارنەمەيەندىكى كورھەق ئەست. مارابا دادخۋاھ دەريەك نەماندە شەفائەت زۇلىم ھېچ مەھەل ۋافا نەمىسازەد. ھەق گويى ۋە ھەق جويى ۋە ھەق پويى كارنەماشىدكى خۇشنۇۋدى رەھمان ۋە خۇرسەندى مۇجتەھىدان كارسازىد دەربابەت رەددى مەزالىم ئەزھەر ئامۇر ئەتىنايى ئىھتىمام تەمام كۈنىد. باقى لىسان سىدىق ئەست ۋە مۇئەككەد ئەست ۋەسالام. 1289.

“خۇش پۇراقلىق ئىنايەتنامە فارسى”نىڭ تەرجىمىسى:

سەمىمى دۇئاگوئىمىز قازى ئەسكەرگە!

سالامدىن كېيىن يېتىپ مەلۇم بولغايكى، بۇ كۈنلەردە…* دادخۋادىن ئۆتكەن مەسىلىلەر، يەنى تەخمىنەن نەرسە ئېلىش، زۇلۇم بىلەن جاپا قىلىش، قەلەم ئۈچى ھەققى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئالغانلىغى توغرىلىق يازغان مەلۇماتىڭىز پەقەت ئاللانىڭ مەرديىتى ۋە شەرىئىتى ئۈچۈندۇر. گۇما بازىرىدىن مۇھەممەت ئەزەم بەككە ئەزىز مەركەننى ھەمرا قىلىپ ئەۋەتكەن ئىكەنسىز. بۇلار يېتىپ كەلدى. مەلۇماتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولدۇق. بۇ بىزنىڭ خۇرسەن بولۇشىمىزغا سەۋەپ بولدى. ‘دۇنيانىڭ فانىلىغى زاھىردۇر’، زۇلۇم بولسا

─────────

* بۇ يەردە سۆز چۈشۈپ قالغان.

ئۆتكۈنچىدۇر. خۇدا بولسا قەھرى قىلغۇچىدۇر. ئۇ ھەر دائىم ھەر بىر ئىشتا ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا ھازىر ۋە نازىر (نازارەت - ت) دۇر. بۇنى خاتىرىڭىزلەردىن چىقارمىغايسىزلەر، راستلىق ۋە ھەقلىق بىلەن ئىش قىلغايسىزلەر. گۆر ھەقىقەتتۇر. خۇدا بىز بىلەن دادخۋانى بىر جايدا قويمايدۇ. زۇلۇمنى ھىمايە قىلىش بولسا ھېچقاچان ۋاپا بەرمەيدۇ. ھەقىقەتنى سۆزلەش ۋە ھەقىقەتنى ئىستەش لازىم ۋە لايىقتۇر. ئاللانىڭ خۇشنۇدلۇغى، مۇجتەھىتلەرنىڭ خۇرسەندلىگى بويىچە ئىش قىلغايسىزلەر. زۇلۇمنى يوقىتىشقا ۋە ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا غەيرەت قىلغايسىزلەر. قالغان ئىشلاردا بولسا راست تىللىق ۋە راست بولۇشىڭىزلارنى تەكىتلەيمىز، ھىجرى 1289 - يىلى (مىلادى 1872 - يىلى - ت).”

ئىككىنچى ئىنايەتنامە فارسى

فەقاھەت پاناھى قازى ئەسكەررا!

بەئىداز تەبلىغ پىيام مەرھەمەت فەرجام نەئمۇدە ئەنكى، دەرىن ھەنگام ۋە بەھەجەت ئىنتىزام ئەزدەست مۇھەممەت رەسۇل مەركان ئەزۋەجەھى رەسىدەنى ملاتىغە شەرىغە ئەزمەسھۇب لۇتپۇللا ياساۋۇل قەۋائىد سىياس دارى ۋە مۇراسىم دۇئابە تەقدىم رىسانىدە. فۇقرايان گۇماۋەزانگۇيا ۋە دۇئائى پىيالمەبە كۈللى مۇزافات ئەزمىراھىم ئەئىلام ھىمايۇنى ئاگاھى دادە دۇئا گىرىفتەن ۋە ئەيىزان ئەدەم لىياقەت قازى ئەزەنجابى دەرۋىلايەت گۇما مەئىمۇزافات تەھقىقى نەئمۇدە ھوقۇق فۇقرايان بىر زىممەئى دىۋان بەگىيان بۇ دە بىئاقساقالان قىمەتۈ نەئمۇدە دەرگەردەن ئەنھاماندە رەددى ھوقۇق بىمەئىلىھەق بەرەزائى تەرەفەيىن ئەھەق گەردانىدە قەتئى خۇسۇمەت ۋە رەفئى نىزا ئى ۋە جىدەل مامىزا بەيىنەھۇم نەئمۇدە بىلگۈللىيە ئىتمام رىساندەن مۇھەممەت كېرىم مىرزا مەئەلۇتپۇللا ياساۋۇل بەيەرلىغى مەرھۇسە ياركەند ئەربابەت تەھقىقات مىيانە دۇئاب ئەزتاۋابىئات ۋىلايەت مەرھۇسە ياركەند. ئەربابەت مۇھەممەت ئەزەم نام بىئەزەر ئەرزۇرىسانىدەن شۈدەن ئەززۈ ۋەجەجە جەبرۇ - زۇلۇم، تەئەددى ئەھمەدىيارسەركار بەسۈپ قىرائىنى مەزكۈرە بائىستىمال ئەمىرمۇ ئەللا ئامىدەن ۋە بەمۇۋافىق ھۆكۈمى شەرئى شىرىف تەھقىقى نەئمۇدە بىئەزىز ئەرزى رىسانىدەن شۈدەن ئەردىزە نىيازمەندى ۋە سەھبە ئەبۇدىيەتەمەندى راۋانە داشىتە بۇدىد دەر ئەھسىن زامان ۋە ئەشىرەف ئاۋان ئامىدە شەرەف ۋۇسۇل يافتەمىزامىن مۇندەرەجەئى ئۈمۇبمۇ بۈ ۋەززۈھ پەيۋەستە بائىس تەزائىدى خۇرسەندى ۋە سەبەبى فەرھەمەندى گەردىد رەفئى تەئەددى ۋە دەفئى زۇلۇم ئەزكاففە ئەنام لازىم ۋە مۇھىمىمات ئەست چىنىن خۇۋائىد ساختە سانيان ئىنگى دەربابەت ئەمىرى شەرئى ۋە رەۋاج ئۈجنان كۈشىدكى، ئەگەر مەردە دەرىن ئەمىرى مۇردەھەرى ئائىنە خىسلەت ئۈدەر شاھادەت ئەست مەيدانىد شەرەف ھىممىتى نەمەيىد. رىئايە مەئنى سادىر نەگەردەكى، ئەزئەۋۋەل ۋە ئاخىردا دەگى نەمەكرا ئەزىشمارازى نەمىشۈئىم ئىجتىناب رىئايە ئەھەرى ئىكتىساب رىئايە شەرئى سازىند. ھالامەرھەمەت نەئمۇدە مۇھەممەت رەسۇل مەركەن لباس ۋە خەرجى دادە گەردانىدە ئەيىم ۋە سالام. 1289.

“ئىككىنچى ئىنايەتنامە فارسى”نىڭ تەرجىمىسى: “دىنىي ھوقۇق ئىلمىنىڭ ئالىمى قازى ئەسكەرگە! مەرھەمەتلىك سالامىم يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، ئىنتىزاملىق كۈنلەردە خوشاللىق تەقدىم قىلغان سوغا - سالاملىرىمىزنىڭ يەتكەنلىگى توغرىسىدا مۇھەممەت رەسۇل مەركەن نامىدىن لۇتپۇللا ياساۋۇل ئارقىلىق تەشەككۈر بىلدۈرۈپ ئەۋەتكەن مەكتۇبىڭىزلار قولىمىزغا كېلىپ تەگدى. بىزنىڭ مۇبارەك ئېلانىمىز گۇما، زانگۇي، پىيالما تەۋەسىدىكى پۇقرالارغا ئۇقتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئېلىنغانلىغى ھەم ئۇ تەرەپ قازىسىنىڭ لاياقەتسىزلىگىدىن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى گۇما ۋىلايىتى تەۋەلىگىدە تەكسۈرۈپ - تەھقىقلانغانلىغى، پۇقرالارنىڭ دىۋان بەگلىرى بوينىدىكى ھەققىنى يۇرت ئاقساقاللىرى بىلەن بىللە يۈزمۇ - يۈز تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىغى بويىچە ھەق ئىگىلىرىگە ئېلىپ بېرىلگەنلىگى ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەن خۇسۇمەت ۋە نىزالارنى تېخىمۇ قەتئىي تۈگىتىش ئۈچۈن مۇھەممەت كېرىم مىرزىنى لۇتپۇللا ياساۋۇل بىلەن ياركەنت ۋىلايىتىدىكى ئىككى سۇ ئارىسىغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەنلىگى، ياركەنت ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئەھمەت يارسەركەرنىڭ مۇھەممەت ئەزەم ناملىق كىشىگە زۇلۇم تەئەددى توغرىلىق ئەرز - دات قىلىپ، ئۇنى جانابى ئالىنىڭ يارلىغى بويىچە ۋە شەرىئەتكە مۇۋاپىق تەكشۈرۈلگەنلىگى ھەققىدىكى ئەرز مەلۇماتىڭىزلارنى مەنىكى كەمىتەرىڭىزلەر ياخشى زامان ۋە شەرەپلىك چاغدا تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن بىرمۇ - بىر ۋاقىپ بولدى. خەلققە قىلىنغان تەئەددى زۇلۇمنى ئەلۋەتتە ئاممىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈپ تاشلاش كېرەك. بۇ ناھايىتى مۇھىم - بىرىنچى ئىشتۇر. ئىككىنچىسى، شەرىئەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىڭلار. ئەگەر بىرەر ئادەم شەرىئەت ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ شان ۋە خىسلەتلىرى شېھىتتۇر. شۇنى بىلىڭىزلەركى، بۇ ھەقتە غەيرەت ۋە ھىممەت كۆرسىتىڭىزلەر. شەرىئەتكە خىلاپ بىرمۇ ئىشنى باشتىن - ئاخىر قىلمىغىزلار. ئەگەر دە شەرىئەتكە قارشى بىرەر ئىش قىلسىڭىزلار، بىزگەن تۈزۈمگە رازى بولمايمەن. خەلىپەرەۋلىككە رىئايە قىلىڭلار، شەرىئەتكە رىئايە قىلىڭلار. مەرھەمەت قىلىپ مۇھەممەت رەسۇل مەركەن خىزمىتىگە كىيىم - كېچەك بىلەن قايتۇرۇلدى - ۋەسالام. ھىجرى 1289 - يىلى (مىلادى 1872 - يىلى - ت).

ئىنايەتنامە ئالى تۈركى

فۇقاھىيەت پانا① موللا ئابدۇللا قازى كالانغا! پىيام② مەرھەمەت فەرجام③ سۇڭىدە مەفھۇم④ ئولكى، بۇ ئەييام⑤ مەيمەنەت ئەنجام⑥دا فەزىل⑦ خۇداۋەندە ۋە دۆلەت ئىسلامىدا مەئەتتاۋابات⑧ لەيىلەن ناھارەن⑨ ھەزرىتى رەببۇل ئىززەت⑩ دەرگاھىغە ئىلتىجائى تەمام⑪ ۋە ئىستىد ئايى مەدام⑫ سىباتى دۆلەت⑬ جۇنۇدى مۇنقادى مىللەتنى⑭ فانۇس ئىسمىت ئىچرە ئافاتى سۈۋەرى ۋە بىللىيات

─────────

① فۇقاھىيەت پانا - دىنىي ھوقۇق ئىلمىنىڭ ئالىمى.

② پىيام - سالام، خەۋەر.

③ مەرھەمەت فەرجام - رەھىم - شەپقەتلىك.

④ مەفھۇم - مەزمۇن.

⑤ ئەييام - كۈنلەر.

⑥ مەيمەنەت ئەنجام - مۇبارەك چاغ.

⑦ فەزىل - پەزىلەتلىك.

⑧ مەئەتتاۋابات - تەۋەلىرى بىلەن.

⑨ لەيىلەن ناھارەن - كېچە - كۈندۈز.

⑩ رەببۇل ئىززەت - ئۇلۇغى ئىززەتلىك.

⑪ ئىلتىجا تەمام - تولۇق ئىلتىماس.

⑫ ئىستىد ئايى مەدام - داۋاملىق تەلەپ قىلىش.

⑬ سىباتى دۆلەت - دۆلەتنىڭ مۇقىملىغى.

⑭ مۇنقادى مىللەت - مىللەتكە بوي سۇنغۇچى ئەسكەرلەر.

مەئنىۋىدىن① مەھفۇز② ۋە فەتھى زەفەر ئەتاسى③ بىرلى مەھزۇز④ بولماقىن سالاۋات خەمسە⑤ ئاداسىدىن سۈڭرە تىلەپ، شىكەستە - دىل⑥ غۇرەبا⑦ ۋە ئاجىز فۇقرالەر ھاجىتى شەرئى شىرىف ھۆكۈمى بىرلى ئىجرا قىلماق بىرلى خۇرسەندى ئەيلەپ ۋە بۇ دۆلەت زىياسى⑧ ئەھلى ئىسلام باشىدىن مەھۋى⑨ ئولماسلىغى دۇئاسىغە مەشغۇل ئىكەنىڭىزنى قوبۇلىيەت شەرىپىن مۇشەررەف⑩ بولماقى ئۈمىدىدە ئەرزە داشت⑪ مەئلۇم قىلىپ ئىڭىز موللا ئابدۇلكېرىمنى بىر بوخچە، بىر ئات بىرلى ئىبەرىپ ئىكەنسىز، مۇھەررەم ئەلەھرەم يىگىرمە بەشى جۈمئە نامازى ئاداسىدىن سۈڭرە، سائادىتى مۇۋاسىلەت⑫ ۋە شىرافتى قوبۇلىيەت كۆرگۈزدى. مەزامىن⑬ مۇندەرىجەلەرى مۇبەئمۇ ئىتتىلاھ⑭ دەرىجەسىغە مۇشەررەف تاپىپ بائىس

─────────

① بىللىيات مەنىۋى - مەنىۋى ئاپەت.

② مەھفۇز - ساقلاش.

③ فەتھى زەفەر ئەتاسى - ئۇرۇش غەلىبىسى.

④ مەھزۇز - ساقلىنىش.

⑤ سالاۋات خەمسە - بەش ۋاقىت ناماز.

⑥ شىكەستەدىل - جاراھەت دىل.

⑦ غۇرەبا - غېرىپلار.

⑧ زىيا - نۇر.

⑨ مەھۋى - يوقىلىش.

⑩ مۇشەررەف - شەرەپ.

⑪ ئەرزە داشت - توغرا قىلغان.

⑫ مۇۋاسىلەت - ئېرىشىش.

⑬ مەزامىن - مەزمۇنلار.

⑭ مۇبەئمۇ ئىتتىلاھ - بىرمۇ - بىر ۋاقىپ بولۇش.

ئىھتىياج① ۋە مەسەررەت② ئولدى. ئەلتافى خۇدايى ئالىمىيان③ شامىلۇ ھالدۇركىم، ئافتابى شەرىئەت ھەزرىتى سەيىدىلئەنبىيائى ۋە ئەلجان ۋە رەسۇلىر رەھمان پەرئۇ شىائى④ بۇ يەتتە شەھەر ئاھالى فەرقىدە⑤ مۇشەئشەئلەدۇر⑥. مۇنىسىفبائىدىيانەت ۋە فۇقاھا ئۆممەت ئوشبۇ دۆلتى شەرىئەتغە دۇئا ۋە ئىستىدامەت⑦، ئىلتىزامى ھىممەت⑧ مەبزۇل⑨ ئەتمىشدۇر. بۇ خاكىراھى⑩ ھەزرىتى شەرىئەتنىڭ شەرئى شىرىف تەرۋىجى⑪ ۋە فۇقرائى ئەھلى تەرەفھى⑫دىن ئۆزگە مۇددىئا ۋە مەقسۇت قاچان بولسۇن. ھەممە ھال بۇ مەقسەد مەرام⑬ دۇركىم، شەرىيەتى خەيرىلىبەشەر⑭ سالاۋاتۇللا ۋە ئەتتەھىيە لائۇاسى زىياسىن⑮ مەقسۇد ئېتىپ ئۆمۈر شەرئىيە نەبۇۋىيە⑯ئەلا شەرئىھا

─────────

① بائىس ئىھتىياج - ئىھتىياجغا سەۋەپ.

② مەسەررەت - خوشال.

③ ئەلتافى خۇدايى ئالىمىيان - ئالەم خۇداسىنىڭ لۇتپى.

④ پەرئۇ شىائى - پارلاق نۇرى، رۇشەن.

⑤ فەرقىدە - پېشانىسىدە.

⑥ مۇشەئشەئل - مەشئەل.

⑦ ئىستىدامەت - تەلەپ قىلىش.

⑧ ئىلتىزامى ھىممەت - ھىممەتلىك مەجبۇرىيەت.

⑨ مەبزۇل - مول.

⑩ خاكىراھى - كەمىتەر.

⑪ تەرۋىجى - تەرەققىيات.

⑫ تەرەفھى - ئولغايتىش.

⑬ مەرام - ئارزۇ.

⑭ خەيرىلىبەشەر - ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى - پەيغەمبەر.

⑮ زىيا - نۇر.

⑯ ئۆمۈر شەرئىيە نەبۇۋىيە - شەرىئەت ئەمىرى بولغان ئىشلار.

ئەسسالاۋات ۋە ئەتتەھىيە ۋە ئەھكامى مۇجتەھىدىن① رىزۋانۇللا ئەلەيھىم② ئەجەمەئىن تەرەۋۋۇج ۋە رۇۋناقلىقغە مۇستەدام③ شۇغۇل تەمام قىلساڭىز كېرەك. بۇ زىيا ۋە رۇۋناق خاسىيەتىنى ئىزدىپ خاسىيەت ۋە نەتىجەسى رىئايە رىفاھەتى④ سەۋەبى بولشىدىن ئەلتازام قىلدىڭ⑤. بەش كۈنلۈك ئالەم فانى ئۆتكۈنچىدۇر. روزى جازا⑥ بۇ ۋەجەھدە⑦ جاۋاپ بىسا مۇشەققەت⑧ دۇر. ئەمما زىممە ئالدىدا سىزلەرغە مۇفەۋۋەز⑨ ۋە مۇئەممەل⑩ دۇر. ئوقۇبا سەئىدە⑪ بولۇڭ. ئۈمىد رەجا⑫ بۇكى، دۇئايى بى رىيا⑬ ۋە ئىلتىجاھى⑭ دەرگاھى بەھەمتا جىھەتى⑮ ئىستىدامەت دۆلەت مۇئەللا زىيادە

─────────

① مۇجتەھىدىن - ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن شەرىئەت قانۇنلىرىنى ئۆزگۈچىلەر.

② رىزۋانۇللا ئەلەيھىم -

③ مۇستەدام - داۋاملىق.

④ رىئايە رىفاھەتى - پۇقرالار مېھنىتى.

⑤ ئەلتازام - مەجبۇرىيەت.

⑥ روزى جازا - قىيامەت كۈنى.

⑦ ۋەجەھى - ھەققىدە.

⑧ بىسا مۇشەققەت - كۆپ مۇشەققەت.

⑨ مۇفەۋۋەز - تاپشۇرۇلغان.

⑩ مۇئەممەل - بېكىتىلگەن.

⑪ ئوقۇبا سەئىدە - ئاخىرەتكە تىرىشىش.

⑫ رەجا - ئۈمىت.

⑬ بى رىيا - راست.

⑭ ئىلتىجا - سەجدە.

⑮ بەھەمتا - تەڭداشسىز.

قىلىڭ ۋە ئەلھال ھەمزە موللا ئابدۇلكېرىمغە سېرىق غەجى① ئىلتىفات ئېتىپ ئۆزىڭىزغە لىباس ۋە سەللا كۇلاھ، رويىمال ھەممەت ئەيلەپ ئىبەرىدۇڭ - ۋەسالام. 1294 (مىلادى 1877 - يىلى - ت)”

جانابى ئالى بەدۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە سەلتىنەتىگە ھەممىت بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ئىشەنچلىك ئادەملەر جۈملىسىدىن بولغان بىر ئادەم تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى كەلتۈرىدۇ، يەنى ئۇ بىز مەرغىناندىن ئىدۇق، دادام سودىگەر ئىدى، ئانام باشلىق بىزنى كۆچۈرۈپ تاشكەنتكە ئېلىپ بېرىپ، قېرى بىر مەزلۇمنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، قازاق ئىچىگە سودىگەرچىلىككە كەتتى. بىز ئۆزۈن مۇددەت بۇ قېرى مەزلۇمنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇردۇق. بۇ مومائى بولسا قوپسا ياكى ئولتۇرسا، تورسا ياكى ماڭسا، ھەتتا كېچە - كۈندۈزمۇ زىكرى تەسبىھ ۋە تەھلىل ئورنىدا “ياقۇپ بەك جېنىنى دۆلەتمەن قىلغايسەن، ئۇنىڭغا ئىززەت ۋە ھۆرمەت بېرىپ ئامان قىلغايسەن” دېگەندىن باشقىنى زادىلا تىلغا ئالماس ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن سەككىز - ئون ياشلاردىكى كىچىك بالا ئىدىم. تەئەججۈپ قىلىپ ئانامدىن بۇ موماينىڭ نېمە دېگىنى دەپ سورىسام، ئانام بۇ موماينىڭ ياقۇپ بەك دەپ ئوغلى بار. شۇ ئوغلىنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ دېدى. لېكىن، بۇ كۈنلەردە ياقۇپ بەك بەزى يۇرتلارنى سوراپ، سەركەردە بولۇپ، يىگىتلەرنىڭ ئۈستىدە چوڭ ئەمەلدار ئىكەن. ئۇ ئانىسىنىڭ قىلغان دۇئالىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزۈڭغا ئۆتمەي قاشغەردە تەختى سەلتىنەتكە چىقتى. ئانىسىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنىمۇ ئارتۇق قىلاتتى دەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ راستتۇر. بىر كۈنى بىرىسى يەنە بىرىسىدىن سۇئال سوراپ، قوي ھەر يىلدا پەقەت ئىككىنىلا تۇغىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇ يەنە كۆپ؟

─────────

① غەجى - رەخت.

ئىت بولسا ھەر يىلى يەتتە، سەككىزنى كۈچۈكلەيدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇ ئاز؟ دېگەندە، ئۇ “ئىتنىڭ كۈچۈگى ئانىسىنى ئىززەت قىلماي بېسىپ تۇرۇپ ئېمىدۇ، قويىنىڭ قوزىسى بولسا ئانىسىنى ئىززەتلەپ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئېمىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قوي كۆپ، ئىت ئاز، يەنە بىرى شۇكى، قوي بولسا يۇۋاش ۋە مۇلايىم، ئىت بولسا ئازار بەرگۈچى، زالىمدۇر. ھەر قانداق مەخلۇق زالىملىق قىلىدىغانلا بولسا، ئۇنىڭغا خارلىقمۇ بار، بالا - پەرەزەنتلىرىگىمۇ بەرىكەت يوق. ھەر قانداق مەخلۇق يۇۋاش ۋە مۇلايىملىق بولسا، دۆلەت ئۇنىڭغا ياردۇر، بەرىكىتىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ” دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. خۇش مۇبارەك ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە يېتىشكەن ئادەم جەزمەن ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەمدۇر. ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغانلار، پەقەت بۇ دۇنيادا ئىززەت، ئابرويغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاخىرەتكە پۈتۈلگەن خۇش پۇراقلىق جەننەتتىن ئورۇن ئېلىشى مۇقەررەر. ئاللاھ ئۆز كارامىتىڭ بىلەن ھەر ئەھدىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىغا ئىگە بولۇشىنى نېسىپ قىلغايسەن، ئامىن، پەزىلەت ۋە كارامەت ئۆزۈڭگە مەنسۇپ.

ئەلقىسسە، جانابى ئاتالىق غازىنىڭ ياخشى ئەخلاقلىرى ھەققىدىكى بەزى ۋەقە ۋە سۆزلەر يۇقۇرىدا ئاز - تولا بايان قىلىنغان ئىدى، بۇ باپتا تېخىمۇ ئاز قىسمىلا كۆرسىتىلدى. چۈنكى، تەپسىلى ۋە بىرمۇ - بىرىلەپ بايان قىلساق، ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا مالالىيەت يېتىپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشە بىلەن ئىھتىيات قىلىپ، شۇنچىلىكمۇ يېتەر دېگەن خىيال بىلەن سۆزنى بۇ جايدا توختاتتۇق. لېكىن، ياخشىلىق بار جايدا يامانلىقمۇ تەييار. نەپ بار جايدا زىيانمۇ ئۇنىڭغا ياردۇر. گۈل تىكەنسىز ئەمەس. ھەسەل ھەرىسىز ئەمەستۇر. ھەر قانداق بىر مەخلۇقتا ياخشى خىسلەتلەر بولىدۇ، گۇناھ ۋەتىنە. لېكىن ئۇ يامان ۋە قاباھەت پېئىللارغىمۇ دۇچار بولىدۇ. ھۆسنى گۈزەللىك بىلەن قەبىھ سەتلىك بىر بىرىدىن زادى ئايرىلماس بولمىغان قوشكېزەكتۇر. ئاللانىڭ ئادىتى بۇرۇندىنلا شۇنداق جارى بولۇپ كەلگەندۇر. قەھرى چاقماق نامايان بولسا، رەھمەت يامغۇرىمۇ بىللە كېلىدىغان ئادىتى بار. ھالبۇكى، جانابى ئالىنىڭ يامان خىسلەتلىرىنى قىسقىچە ئېندەك بايان قىلساق، سۆزىمىز گۇيا ئىسكەنجىدەك ئوغۇراپ، ئۇنىڭ ئاچچىق چۈچۈك تەمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىللىرىغا تاتلىق تېتىپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قۇلاقلىرىغا لەززەت بېغىشلاپ، ئۇلارغا ئارزۇلۇق بىر مەرغۇبە ۋە مەھبۇبە بولۇپ كۆرۈنسە ھەجەپ ئەمەس.

لېكىن تارىخ كىتابلىرىدا ئۆتكەن سۇلتانلارنى زىكىر قىلغاندا، مۇئەللىپلەر ئۇلارنىڭ ياخشى خىسلەت ۋە يامان سۈپەتلىرىنى بىرمۇ - بىرىلەپ بايان قىلغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇنداق يېزىشىدىكى مۇددىئاسى بولسا كېيىنكى زاماندىكى پادىشا، ھاكىمى ۋىلايەت ۋە ئەمەلدارى مەملىكەتلەر بۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلسا، ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرى زىيادە، ئۆمۈرلىرى ئۆزۈن بولۇپ، پەرزەنت، دۆلىتى نەۋرىلىرىگىچە مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى نام ۋە ئوبدان سۈپەتلىرى جاھان سەھىپىسى ۋە ئەھلى ئالەم ئارىسىدا باقى قېلىپ، نامى ئۆچمەي، خالايىقنىڭ دۇئا قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. مۇبادا يامان بىدئەت ئىشلارنى پەيدا قىلىپ، خەلققە زۇلۇم ۋە جەۋرى قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆمىرى قىسقا، دۆلەتلىرى كەم بولۇپ، زېمىن يۈزىدە يامان سۈپەت بىلەن مەشھۇر بولۇپ، خالايىق ئۇنداق ئۇلۇغلارغا ئەسىردىن - ئەسىرگىچە لەنەت ئوقۇيدۇ. بالا - پەرەزەنتلىرىمۇ ئەسكى كۈنگە دۇچار بولۇپ خارلىقتا قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار بۇ خىل ئەھۋاللاردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۆزلىرىنى مەجبۇرى ياخشى يول تەرەپكە مايىل قىلىپ، ياخشىلارنىڭ سېپىگە قوشۇلسۇن دېگەنلىكتىن ئىبارەت ئىكەن. شۇڭلاشقا، بۇ جايدا جانابى ئاتالىق غازىنىڭ يامان سۈپەت ۋە نالايىق ئىشلىرىنىمۇ قىسقىچە ۋە ئېندەك بايان قىلىش لازىم بولدى.

جانابى ئاتالىق غازى ناھايىتى ئۇلۇغ بىر پادىشا ئىدى. لېكىن ئۇ بىرەر قابىلىيەتلىك، دىيانەتلىك ۋە ياكى بىرەر ھۇشىيار ئادەمنى ۋەزىر قىلمىدى. مەملىكەتنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزىلا ئىشلىدى، باشقا كىشىگە ئىشەنمىدى. ئۇ خۇداۋەندەكېرىمنىڭ تىل يەتمەس ۋە كەمچىلىكسىز كالامى مۇلكۈلئەللامىدا كۆرسىتىلگەن “ھەر ئىشنى كۆپچىلىك بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ ئىشلىگىلەر” دېگەن شەرت ۋە مەسلىھەتلىرىگە بوي سۇنماي، خىلاپلىق قىلدى. ئۇ ئۇلۇغ سەيىدلەردىن بولغان كاتتا خان تۆرەم ۋە كىچىك خان تۆرەملەرگە خۇددى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمىرىدە نېسىپ بولغان شەرىبەتنى ئىلتىپات قىلدى. بۇ شەرىبەت ئىچىش بىلەنلا تەسىر قىلىپ، ئۇلار بۇ تۇپراق ئالەمىدىن مەڭگۈلۈك باغچىسىغا كۆچۈپ كەتتى. ۋەلى خان تۆرەمنى نامغا باستۇرۇپ يوق قىلدى، بۈزۈرۈك خان تۆرەمنى بولسا ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ “تۆرەمنىڭ پەرمەيىشى بىلەن كەلدىم” دېگەن بولۇپ، ئۇنى نەزەربەنت قىلغان ھالدا بىللە ئېلىپ يۈرۈپ، بۇ يەتتە شەھەرنى تەسەررۈپ قىلىپ تىنچىتقاندىن كېيىن، ئەمدى ئۇ ھەج قىلىپ كەلسۇن دەپ يۇرتتىن ھەيدىدى.

ئۇ دەسلىپىتىن بىر ئادەمدىن بىر گۇنا سادىر بولسا، ئۇنىڭغا تەربىيە - نەسىھەت قىلىپ ئەپۇ قىلاتتى ۋە ئازلا خىزمەت قىلىپ قويسا تولا ئىلتىپاتلارنى قىلىپ كېتەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە بولسا، كۆپ خىزمەت قىلسا ئاز ئىلتىپات قىلىدىغان، ھەتتا ئۇلارنى بىرەر سەۋەپ بىلەن قاتتىق ئازاپلايدىغان بولدى. بۇرۇن بىر باغ بەرسە، ياكى بىر ئاياق قېتىق ئۈچۈن بىر ئادەمنى سويغان ئىدى. ئاخىرىدا نەچچە ئادەمنىڭ خانىلىرى ۋەيران، ساھىپخانلىرى سەرگەردان بولغانلىرىنىمۇ دادى - پەريادىغا يەتمىدى. باشلىق ۋە ھاكىملارنىڭ زۇلۇم - جەۋرىلىرىنىڭ ئولغىيىشىغا يول قويدى. خۇسۇسەن كېيىنكى سەپەرلىرىدە، بولۇپمۇ تۇرپانغا ئىككىنچى مەرتىۋە ئاتلانغاندا، بىرەرمۇ ئادەمنىڭ ئەرزى - دادلىرىغا يەتمىدى ۋە بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمىدى. شۇنداقلا ئۇ بىرەر تەرەپتىن كەلگەن مۇساپىر ياكى باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېچىپ كۆرۈپ خەتلەپ، ھەممىسىنى ئالى دۆلەتخانىغا ئالاتتى. مال ئىگىلىرى بولسا پەقەت ئارقان ۋە مال ئوراپ كەلگەن پارچە كېگىزلىرىنىلا ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى. ھەتتا زاكاتچىلار زاكات شەرئىنى بەرسۇن دەپ ئۇلارنىڭ كېيىنىگە ئادەم قوشۇپ قوياتتى. بۇ بايلار “ماللىرىمىزنى ئالى دۆلەتخانىغا ئالغان” دەيدىغان بولسا، بۇ زاكاتچىلار “ ئەمىسە دۆلەتخانىدىن پۇل چىققاندا پۇلۇڭلارنى ئالىسىلەر. ھازىر زاكات شەرئىنى كېچىكتۈرمەي ئادا قىلىڭلار” دەپ زاكاتنى ئېلىۋالاتتى. بۇ بايلار جازانىغا پۇل ئېلىپ ياكى قەرز قىلىپ زاكاتنى بېرەتتى ۋە ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن خىراجەت قىلىپ جان باقاتتى. ئەگەر دۆلەتخانىدىن پۇل چىقىپ قالسا پۇلىنى ئالاتتى. ئەگەر چىقمائى قالسا سەرگەردانلىق بىلەن پېقىر - يوقسۇللۇق كوچىسىغا كىرىپ قالاتتى. مىراس تەقسىم قىلىدىغان تەرىكەچىلەرنىڭ ھال - ئەھۋاللىرىمۇ خۇددى شۇنداق، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ يامان ئىدى. يۇرت ھاكىملىرى، ۋىلايەت باشلىقلىرىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا سەھرائى كەنت، قىشلاقلارغا غەللە خىراج، ئۆشىرە - زاكات، تاناب ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ پۇل يىغىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئون مىڭ ياكى يىگىرمە مىڭ تەڭگە پۇلنى كېچىدە بارسا كۈندۈزگە ئولىماي، كۈندۈزدە بارسا كېچىگە قوندۇرماي ھەم پەقەت كېچىكتۈرمەي ۋە پۇل جايىلىشىغا پۇرسەت ياكى مۆھلەتمۇ بەرمەي، ناھايىتى تېز ۋە ئالدىراشلىق بىلەن ئالاتتى. بۇ بولسا ئۇنىڭ ھۆكۈمىنىڭ ناھايىتى تېز ۋە ئىتتىكلىگىنىڭ نىشانىسى. بولۇپمۇ خوتەننى نىياز ھاكىم بەك، ئاقسۇنى ئابدۇراخمان دادخۋا، باي ۋە سايرامنى مۇھەممەت ئىمىن توقسابى دېگەنلەر خاراپ ۋە ۋەيران قىلدى. ھەر بىر ياغاچنىڭ پاناسى ئۆزى بىلەندۇر دېگەن مىسال ناھايىتى مەشھۇر. بۇ ھاكىملار پۇلنى پۇقرادىن ئالدى، ئۇنى دۆلەتخانىغىمۇ بەردى، ئۆزلىرىمۇ غەزىنە قىلدى. لېكىن ئەيىبنى بەدۆلەت ئالىغا قويدى. جانابى ئالىنىڭ ئەيىبى بولسا يۇرتنىڭ كىرىم ۋە چىقىمىنى كۆرمىگەنلىگى ھەم سورىمىغانلىغىدىن ئىبارەت. ھەر بىر ھاكىمى ۋىلايەتنىڭ بەش يۈز، ئالتە يۈز، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ يەتمىش، سەكسەندىن دىۋانلىرى بار ئىدى. ئۇلار ھەر يىلى ھەر قايسى كەنت ئىچىدىن بىر باينى تۇتۇپ، ئۇنىڭ خالىغان ياكى خالىمىغىنىغا قويماي دىۋان قىلىپ بەلگىلەيتتى. ئۇنىڭغا نىشان ۋە پەتتە بەرگەن ھامانىلا، ئادەم قوشۇپ پۇل ئالغىلى تۇراتتى. ئۇلار بىر يىل توشقۇچە خالايىقتىن شەرىئەتكە مۇۋاپىق زاكات، ئۆشىرە، خىراج، تاناب پۇل يىغىپ تاپشۇراتتى. بىر يىل توشقاندىن كېيىن ئۇلارغا قوشۇپ قويۇلغان بۇ خىل جاللات سۈپەت مىرزا ۋە زالىم تەبىئەتلىك ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، بۇ پالاكەت باسقان دىۋانلارنى تەكشۈرۈپ تەپتىش قىلاتتى.

بۇلار بىرنى ئون، ئوننى يۈز قىلىپ خەتلەپ، دىۋانلارنىڭ زىممىسىگە ئون مىڭ، يىگىرمە مىڭ تەڭگە پۇلنى ئارتىپ قوياتتى. بۇلار ياكى زېمىن - چارپاي ۋە ياكى كىگىز - گىلەم، قازان، قوشۇقلىرىغىچە سېتىپ پۇل قىلىپ، باشلىقلىرىغا بېرەتتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇنى تۆلەشكە مال ئەشياسى يەتمەي قالسا، “مەن پالانى دىۋاندۇرمەن. ئالى دۆلەتخانىغا قەرزدارمەن” دەپ ھۆججەت خەت بېرەتتى. بۇرۇن دىۋانلار يۇرت پۇقرالىرىدىن ئالغان پۇلنى شەرىئەت ئۈچۈن دەپ ئاتايتتى. كېيىن دىۋانلار تۆلەيدىغان قەرزىنى بولسا ھەقىقەت ئۈچۈن دەپ ئاتايدىغان بولدى. مۇبادا بۇلار ئەرزى - دات قىلسا، ئۇنى يەنە شۇ ھاكىمى ۋىلايەت باشلىقلىرىنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇپ بېرەتتى. بۇلار بولسا ئۆزىنىڭ خالىغىنى بويىچە ۋە قولىدىن كەلگىنىچە زۇلۇم قىلىپ، گەدىنىدىكى پۇلنى ئالاتتى. ئەگەر خىتايلار بەرگەن ئوتاغات ۋە قالپاقلىرىنى ساقلاپ، يەنىلا ئۇلاردىن ئۈمىت ۋە ئەندىشە كۈتۈپ تۇرغان قەدىمقى بەگلىرىنىڭ بەگزادىلىرىگە ياكى كۆڭۈللىرى دۈشمەنلىككە تولغان بەگلىرىگە پۈتۈلگەن ئەجەل يەتكەن بولسا، بۇنى جانابى ئالى بەدۆلەت نۇرلۇق پاراسىتى بىلەن كۆرۈپ، زالىم بەدنىيەت تەرىكە ۋە شۇم تەبىئەت مىرزىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ مۈلكىنى تارتىۋالاتتى. مەسىلەن، مىرزا قاسىممۇھەممەت ۋە ئابدۇلئەزىز بۇخارى مىرزالارنى ئاقسۇلۇق ئابدۇللا دىۋان بېگىنىڭ مىراسى تەقسىماتىغا ئەۋەتتى، مەزكۇر مىرزىلار كېلىپ، ئۇنىڭ كۆز قويۇلغان پۇپۈكلۈك ئوتاغاتىنى ئون مىڭ تەڭگە، كۆز قويۇلغان خىتايچە قالپىغىنى بەش مىڭ تەڭگە، يەنى بىر ئوتاغات بىلەن بىر قالپاققىلا ئون بەش مىڭ تەڭگە دەپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن مىراس تەقسىم قىلىشنى ھېسابلاپ تەرىكە ئالدى. باشقا مال - مۈلكىنىمۇ مۇشۇنداق باھالاپ، قېرىق تەڭگىدىن بىر تەڭگىنى تەرىكە ۋە ئۆشىرە ھەققى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭغا قىرىق ئالتە مىڭ تەڭگە تەرىكە ۋە ئۆشىرە ھەققى سالدى. ئۇ بارلىق مال - مۈلكىنى سېتىپ، ئاران دېگەندە يىگىرمە سەككىز مىڭ تەڭگە پۇل قىلدى. يەتمىگەنلىرىنى ئۇرۇق - تۇققانلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىدىن تىلەپ تېپىپ تاپشۇردى. ۋەھالەنكى، دۈلگۈچىنىڭ قىزى بولسا ئالى ئورداىنىڭ ئىگىسى جانابى ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك ئەقدىگە نىكاللانغان خوتۇنلار قاتارىدىكى بىر خوتۇن ئىدى.

بۇ چاغدا جانابى ئالىنىڭ ئەمىرى ئەقدىدە ۋە ئىلكى مۈلكىدە بولغان مۇسۇلمان، تۇڭگانى، خىتاي، شۇغنان، قالماق، قازاقلاردىن ئولجا ئېلىنغان جۇۋان، چوكان، كاتتا ئولۇغلارنىڭ ئەۋلادى قاتارلىق ئايىم ئاغىچا - خوتۇنلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن ئالتە يۈزدىن ئارتۇق ئىدى دېگەن قىسسە ۋە ھېكايىلەر بار. ئۇنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ ئىچىدە توختىخان ئايىم دېگەن بىر ئايال پانسەت بار ئىدى. ئۇ ھەممە خوتۇنلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، تەلىم ۋە ئەدەپ ئۆگىتىپ، جانابى بەدۆلەتنىڭ سۆھبەتلىرىگە لايىقلاپ تەييار قىلاتتى. جانابى ئالى ھەر شەھەردە بىر كاتتا ھويلا قىلىپ، ئىچىگە نەچچە ھۇجرىنى تەيىنلەپ، ھەر بىر ھۇجىرىسىغا نەچچە خوتۇننى سۇلاپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە كىچىك ۋە ياش مەھرەم ئوغۇللاردىن بىر قانچىسىنى قويۇپ خەۋەر ئېلىشقا بەلگىلىگەن ئىدى. ئۇ بەزى خوتۇنلارنى بىر قېتىم ئىلىپلا قارىماي قوياتتى. مەزكۇر مەزلۇملار ئۆز نەپسى شۇھۋىتىنى مۇھاپىزەت قىلالماي، بالاغەتكە يەتكەن ياش بالىلارغا ئېسىلىپ، شەرىئەتكە كەلگەن ئىشلارغا خىلاپلىق قىلاتتى. شۇڭلاشقا بۇنداق خوتۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى ۋە نۇرغۇن ياش ئوغۇل بالىلارنىڭ قانلىرى نەچچە قىسىم ئازاپ - ئەلەملەر بىلەن ناھەق تۆكۈلۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئولتۇرغان ئۆيلىرىگە كۆمدۈرگەن ئىدى. جانابى ئالى ئۆزى ئالغان خوتۇننى باشقىسى ئالالماس ئىدى، ئالغىنى بولسا ئۆز جېنىدىن ئۈمىت تۇتماس ئىدى، ئەگەر جانابى ئالى ئۆزى خالىسا بەزى خوتۇنلىرىنى ئەمىرايى پانسەت، يىگىتلەرگە ئىنئام قىلاتتى. ئەگەر سەپەرگە چىقسا، ئون، ئون بەش ھارۋىنىڭ ئۈستىگە ئۆي - ھۇجرا قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئايىملىرىنى سۇلاپ كىشىگە كۆرسەتمەي ئېلىپ يۈرەر ئىدى، ئۇلار بىلەن كۆڭلى خالىغان چاغدا سۆھبەت قىلاتتى. مۇنچە نۇرغۇن خوتۇنلارنىڭ ئەقد نىكايىنى شەرىئەتنىڭ قانداق يولىغا مۇۋاپىق قىلدىكىن - تاڭ.

يەنە بىر ۋەقە شۇكى، فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئادەملىرى مىجەز - خۇلقى جەھەتتىن ئايغىر ئاتنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئاختا ئاتنى ناھايىتى كەم مىنىدىكەن. بىر ۋاقىتتا نىياز ھاكىم بەك بىرمۇنچە كاتتا ۋە ياخشى قالماق، قازاق ئاتلىرىنى تارتۇق قىلغان ئىكەن. بۇ ئاتلار ئاختىخانىغا بۇيرۇپ بېرىلگەن ئىدى. بىر چاغدا بەدۆلەت ئالى ئاختىخانىغا كىرىپ نەچچە ئاتنى ئالدىغا ئالدۇرۇپ كېلىپ كۆرسە، بۇنىڭ ھەممىسىلا ئاختا قىلىنغان ئاتلار ئىكەن. ئۇنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ، مىراخور بېشىدىن “بۇ ئاتلارنى قانداق ئادەم ئاختا قىلغان؟” دەپ سورىغاندا، ئۇ كۆچەرلىق يۈسۈپ بەك دەپ ئات كېسىدىغان بىر ئادەم بار. خوتەنگە بېرىپ نىياز ھاكىم بەكنىڭ ئاتلىرىنى ئاختا قىلغان ئىمىش. ھازىر بۇ يەرگە كېلىپتۇ” دەپ مەلۇم قىلغاندا، ئۇ يىگىت بۇيرۇپ ئالدۇرۇپ كېلىپ، “سىزنى ئات كېسىدۇ دەپ ئاڭلىدىم. سىز ئوبدان ئۇستىمۇ” دەپ سورىغاندا، ئۇ “ئالتە شەھەردە مېنىڭدەك ئات كېسىدىغان ئۇستا يوق” دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. “نەچچە ئات ئاختا قىلغانسىز؟” دېگەندە، “ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ يىگىرمە مىڭ ئات ئاختا قىلغاندۇرمەن” دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. يەنە “قانداق ئۇسۇل بىلەن ئاختا قىلىسىز” دەپ سوراپ، ئۇنىڭ ئاختا قىلىش ئۇسۇلىنى ئوبدان كۆرۈۋېلىپ، “چىقىپ تۇرۇڭ” دەپ چىقىرىۋېتىپ، مىراخور بېشىغا “ئات كېسىشنىڭ يولىنى كۆردۈڭمۇ، سەن مۇ كېسەمسەن” دەپ سورىغاندا، مىراخور بېشى “پەرمان بولسا كېسىمەن” دېگەن ئىكەن. “ئانداق بولسا يۈسۈپ كۆرسىتىپ بەرگەن يول بويىچە، ئۆزىنى ئۆز ئەسۋابلىرى بىلەن ئاختا قىلىپ قويغىن” دەپ پەرمان بېرىپ، ئاختىخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. يۈسۈپنى تۇتۇپ كېلىپ، ئاختا قىلغاننىڭ جازاسىسۇ دەپ، ئۆز ئەسۋابلىرى بىلەن بىر چوپ تېشىنى قىسىپ تۇرۇپ، بىرلا تولغاپ تارتىپ تاشلاپتۇ. بۇ ئادەم ئىككى كۈن يېتىپ ئۆلۈپ قاپتۇ.

گەپنىڭ ھاسىلی شۇكى، دۆلەت ئىقبالى زاۋالغا قاراپ يۈزلەنگەندە، ئالىدى بىلەن پادىشاھى ئۇلۇغلارنىڭ مىجەز - خۇلقى ئۆزگىرىپ قالىدىكەن. پۇقرالار، بەلكى ئەسكەرلەر، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەھۋالى ۋە تەرتىپ - نىزاملىرىمۇ باشقىچە بولۇپ قالىدىكەن. بۇ چاغلاردا مەيلى ئەمىرايىلەر، ئەسكەرلەر ياكى يىگىت دۆلەتخۋالار جانابى ئالىنىڭ كىيىم - كېچەك ۋە پوستلىرىنى كىيىپ، ئاتلىرىغا مىنىپ، تىللا ۋە پۇللىرىنى خىراجەت قىلىپ، خوتۇنلىرىنى ئېلىپ، كۆڭلى خالىغان تاماق - غىزالىرىنى تەييارلاپ، ئېغىز ۋە چىشلىرىدا چايناپ ۋە چىشلەپ تۇرۇقلۇق، يەنىلا دۆلەت ئىگىسى ئۈستىدە شەك - شىكايەتلەردىن تىلىنى زادىلا يىغمىدى. ئۆز ھەققىگە رىئايە قىلماي، كاپىرانە نىيەت قىلغانلار ئاقىۋەت جازاسىنى تاپتى، نەتىجە ۋە تەسىر - ئاقىۋىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

نەقىللەردە قارىغاندا، قاشغەردىكى پەيزاۋات كەنتىدە بىر ئادەم قوش ھەيدەپ، ئۇرۇق چېچىپ تۇرغان چاغدا، يەنە بىر ئادەم كېلىپ “ئەي بۇرادەر، بۇ يەرگە نېمە تېرىدىڭىز؟” دەپ سورىغاندا، “نېمە تېرىماقچى ئىدىم، خىتاي تېرىدىم” دەپ جاۋاب بېرىپتۇنىڭ شۇرغۇچى تەبەسسۇم قىلىپ خوش بولۇپ كېتىپتۇ. ئالتە ئايغا قالماي مەزكۇر زېمىننىڭ ئۈستىگە خىتايلار چۈشۈپ، يېگەن سۇقۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ھازىر بۇ جايدا خىتايلار بىر شەھەر بىنا قىلدى دەيدۇ. بۇ چاغدا ئىككى ئادەم بىر يەردە بولسا خىتايلارنىڭ كېلىدىغانلىغى توغرىلىق راست ياكى يالغان سۆزلەرنى توقۇپ، ئۆزلىرىنى خوش قىلار ئىدى، قاشغەردە بىر يىغىلىشتا ئولتۇرغان ئادەملەر ئىچىگە يەنە بىر ئادەم كىرىپ ئولتۇرۇپ، “ئۆھ! ئۆھ!” دەپتۇ. باشقىلار “ئۆھ؟” دەپ نېمە بولدىڭىز” دەپ سورىغاندا، ئۇ “ئىسلام دېگەن ئالتە ئاي ۋە يا بىر يىل بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئون تۆت يىلمۇ ئىسلام بولامدۇ؟ ئىسلام ئۆزۈنغا سوزۇلغانلىقتىن، مەن كۆپ ھېرىپ كەتتىم” دېگەن ئىكەن. بۇ سۆزنى تەستىقلايدىغان بىر ۋەقە ئېسىمگە كەلدى: زامانە ئاۋالدا زامانە زاھىد ۋە دەۋران ئابىدلىرىدىن ئۈچ نەپەر دەۋەتچى ئاغىينە بىر تەرەپكە يولغا چىققان ئىكەن. يول ئۈستىدە ئۇلارنىڭ چىرىگەن، كۆنىرىگەن بىرمۇنچە ئۈستىخانلارغا كۆزى چۈشۈپتۇ. بىرىسى “بۇ كونا ئۈستىخانلار قانداق مەخلۇقلارنىڭ ئۈستىخانلىرى بولغىيىدى، بۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلسەك” دەپ دۇئا قىلغان ئىدى، دەرھال شامال قوزغالدى - دە، ئۈستىخانلار بىر بىرىگە ئۇلاندى. يەنە بىرى دۇئا قىلسا، ئۈستىخانلاردا گۆش، پەي، تومۇرلار پەيدا بولدى. يەنە بىرى دۇئا قىلسا، ئۈستىخانلارغا جان كىردى - دە، ئاچ ۋە ئۈنسىز، ھەيۋەتلىك، زور بىر شىر سەكرەپ قوپتى. چۈنكى، ئۇ ئاچلىق دەردىدىن ئۆلگەن ئىدى، ئۇ ئۈچ نەپەر ئابىدىنى كۆرۈپ پارە - پارە قىلىپ يەپ كەتتى. ھازىر بۇ تىلەپ تاپقان خىتايلارمۇ خۇددى جان كىرگەن بۇ ئاچ شىرغا ئوخشاش بولدى.

ئەي يارەن ئەزىزلەر، تارىخ كىتابلىرىدا شۇنداق ئايدىڭ بايان قىلىنغانكى، قەدىمقى پادىشالارنىڭ سۈپەتلىرى لۇتۇپ بىلەن قەھرىيەت، جامال بىلەن جالالەت ھەم يۇمشاق سۈپەت بىلەن سىياسەتتە ئىپادىلەنگەن ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پادىشا ۋە ھاكىمى ۋىلايەتلەردىمۇ دەل ئەنە شۇ سۈپەتلەر جارى بولسا كېرەك. چۈنكى، پادىشا ۋە ھاكىملارغا لۇتپى ئېھسان قىلماقتىن باشقا چارە يوق. غەزەپ - سىياسەت يۈرگۈزمەيمۇ ئىلاجى يوق. ئەگەر پادىشالار يۇمشاق سۈپەت بولۇپ، سىياسەت قىلىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرسە، پۇقرالارنىڭ مەنپەئەت ۋە پايدىسى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ. يۇرتلار قالايمىقانچىلىق ۋە ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. ئەگەر زۇلۇم ۋە قەھرىيەتلىك سۈپەت بىلەنلا بولۇپ، ئادىل سىياسەتنى ئۆزىگە كېرەك قىلمايدىكەن، پۇقرالارغا تىنچلىق ۋە ئاراملىق بولمىغىنىدەك، ئۆزلىرىگىمۇ تىنچلىق ۋە ئاراملىق بولمايدۇ. بىرەر زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە سەھەردە تۇرغان دىلى سۇنۇق بىرىسىنىڭ نالە ۋە ئاھۇ - زارلىرى ھەممىتلىك ئاللا دەرگاھىغا يېتىپ قوبۇللۇق شەرىپىگە ئىگە بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاھۇ - نادامىتىدىن يىغلىغان كۆز ياشلىرىنى قات دەرياسىنىڭ دولقۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، ئانداق پادىشانى، ھەتتا ئۇنىڭغا تەۋە خادىملىرى، ھەشەمەتلىك توغ، بايراق، ئەلەم، دەھول، دۇمباق، نەي، سۇناي ۋە تەرتىپ - تۈزۈملىرىنى بۇ خورلۇق تۇپرىغى ئۈستىگە ئۇرۇپ، تۈگىمەس ئېقىنغا تاشلاپ غەرق قىلىپ، ئاجىز ۋە نابۇت قىلىدىكەن. ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇ پەلەك ھادىسىلىرىدىن پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەك. خۇدا قۇرئاندا “ئەي ئەقىل ۋە كۆز ئىگىلىرى ئىبرەتلىك بولۇڭلار” دېگەن ئايىتىنى كۆرسەتكەن. قىتئە:

تەكىيە قىلما ئەي ئەزىزلەر دۆلىتى يىلدامىغە①،

باش يېنىڭدىن پات ئالۇرلار دۆلىتى ئىقبالىنى.

ياتقۇزۇپ جىسمى لۇتفىڭنى② بۇ تىرە خاك③ ئۆزە،

يوق ئېتىپ سۈلەت ھەشەمىنى④ بەس قىلۇرلار نايىنى.

خۇداۋەندەكېرىم ئۆزىنىڭ چۇڭقۇر ھېكمىتى بىلەن ھەر بىر دۆلەت ئىگىسى ۋە نېمەت ئىگىلىرىنىڭ دۆلەت نېمەتلىرىنى ئېلىشنى ئىرادە تەقدىر قىلماقچى بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوبدان خۇلقى - مىجەزلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا نالايىق قىلمىشلار ۋە يامان ئەخلاقلارنى ئولتونغۇزۇپ، ھالال نېمەتتىن ھارام نېمەتكە كەلتۈرۈپ، ئاندىن دۆلەت ئاپتىۋىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ، بەخت - ئىقبال نۇرىنى خىرە، بەلكى ئۆچۈرۈپ يوق قىلىپ، يەنە بىر لاياقەتلىك دۆلىتى ئىگىز ۋە بەختى يۇقۇرىنىڭ بېشىغا سەلتىنەت تاجىسىنى قويۇپ، نەي نۆۋىتىنى ساداغا كەلتۈرىدىكەن. خائى ئالى دەرىجىلىك پادىشالار بولسۇن، ياكى ئاجىز گاداي ۋە بېئىتىۋارلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ بەش كۈنلۈك دۇنيادا ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلىپ، ياخشى نام قالدۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ دۇنيادىن كېتىمەگلىكىنى نېسىپ قىلغايسەن. قىتئە:

─────────

① يىلدام - شامالدەك.

② لۇتفى - يۇمشاق.

③ تىرە خاك - قارا تۇپراق.

④ ھەشەم - ھەشەمەت.

بۇ ئالەم ئىچرە ياخشى ئەت ئىمارەت،

كى قالغاي نىك نام① ھەم باقالىق②.

ۋەرەق ئىچرە قېلىپدۇر ياخشى ئاتلار،

ئەگەر كىسراغا③ ئوخشە قىلسا شەلىق④.

14

ئالى دەرىجىلىك ئەمىرلەر ۋە ئاقىۋەتسىز قوشۇنلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھېكىم خان تۆرەمنىڭ خانلىق تەختى ۋە سەلتىنەت ئورنىغا ئولتۇرغۇزغانلىرى، بۇ كاج چەرخى پەلەك مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلماي، ئۇنىڭ “سۆيۈملۈك ۋەتەن ئىماندۇر” دېگەن ئىستىگى بويىچە ئۆز ئەسلى ۋە تېنىگە قايتقانلىغىنىڭ بايانى

ئەزىز، ئۇلۇغ دوستلار ۋە شېرىن لەتاپەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ شاراپەتلىك دىللىرىدىن مەخپى ۋە يوشۇرۇن قالمىغايكى، قىسسە ۋە ھېكايىلەرگە قارىغاندا، بۇ ۋاقىتتا جانابى ئاتالىق غازى بەدۆلەت دۆلەت خانىنى تاشلاپ، ئاخىرەت باقىنى خوش ئېتىپ، جېنىنى قابىزۇل ئەۋاھ - ئەزرايىلغا، مال - مۈلكى ۋە ئوغۇللىرىنى بىر قېپچاققا ھەتتا خىتاي بىلەن قالماققا تاپشۇردى. نىياز ھاكىم بەك ۋە

─────────

① نىك نام - ياخشى نام.

② باقالىق - مەڭگۈلۈك.

③ كىسرا - قەدىمقى ئىران پادىشاسى.

④ شەلىق - شاھلىق.

ئەھرار خان تۆرەملەر ئۇنىڭ ئالى جەسەتلىرىنى توبىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ ياتقۇزۇپ، قارا شەھەردىكى ھېكىم خان تۆرەم بىلەن ھەق قۇلى بېگىملەرگە بۇ دەھشەتلىك سۈرەت - ۋەقەنى بايان قىلىپ، تېزلىك بىلەن خەت ماڭدۇردى. ئۈچىنچى كۈنى بەك بەچچە يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭغىچە نىياز ھاكىم بەك ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەرزى - دار بولسا، خۇددى بۇرۇنقىدەك بەدۆلەت ئالدىغا ئېلىپ كىرگەن بولۇپ، يەنە يېنىپ چىقىپ، “جانابى ئالىنىڭ مىجەز شېرىپلىرى ئېندەك ئۆزگىرىپ قاپتۇ. ھېلىلا چىقماقچى” دەپ پەرمان بېرىپ، كىشىلەرنى كىرگۈزمەي ۋە بىلدۈرمەي ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزدى. بۇ چاغدا تۆرەم باشلىق ئەمىرى لەشكەر، يىگىت، سەربازلارمۇ يېتىپ كەلدى. ئاندىن نىياز ھاكىم بەك، ئەھرارخان تۆرەم، كېرىم باي مىرزا، مۇھەممەت مۇسا توقسابى، تاشباي دادخۋا، ئاتاباي پانسەتلەر باشلىق بارلىق ئەمىرايى ئەسكەرلەر ئىتتىپاق بىلەن بىللە كېڭەش - مەسلىھەت قىلىپ، ھېكىم خان تۆرەمنى ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، بۇرۇنقى سۇلتانلارنىڭ قائىدە - رەسمىيەتلىرى بويىچە كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىگە خان ۋە ھۆكۈمران قىلدى. غەزىنە ئىشكىلىرى ۋە ساندۇقلارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، دادخۋالار باشلىق ھەممە چوڭ - كىچىك ئەمەلدارلارغا تون - كېچەك، پۇل، تىللا، قورال - ياراق، ئىگەر جابدۇقلىرى مۇكەممەل ئاتلارنى بېرىشكە باشلىدى، شۇنداق قىلىپ يەتتە كۈن ئۆتتى، بىر كېچىدە بەك بەچچە جانابى ئالىنىڭ جەسەت جىنازىسىنى ئېلىپ ماڭدى. دادخۋالار باشلىق ھەممە كاتتىلار ئەرز قىلىپ، “بەك بەدۆلەتنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ، تېز سۈرئەت بىلەن ئاقسۇغا قاراپ مېڭىپتۇ، ئاقسۇغا بېرىپ غەزىنەلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن قاشغەرگە بېرىپ، قاشغەردىكى غەزىنەلەرنى يىغىشتۇرۇپ، ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن غەزىنىلەرنى قولغا ئېلىپ، بىزگە قارىماي ئەنجانغا چىقىپ كەتسە، غەزىنە بولمىغاندىن كېيىن بىز خىتايلار بىلەن قانداق ئۇرۇشىمىز” دەپ تۆرەمنى ماقۇلغا كىرگۈزدى. بۇ چاغدا تۇڭگانى دادخۋالارمۇ كورلىغا چىققان ئىدى. تۆرەم كورلىنى دادخۋاغا تاپشۇردى. ئاقسۇلۇق كۆچى ئاڭنىڭ ئوغلى ئاخۇن نىياز بەكنى ئۇنىڭغا تەرجىمان - تىلماچ ۋە ياساۋۇل بېشى قىلىپ بەردى. بۇ ئاخۇن نىياز بەكنىڭ بۇرۇن بەدۆلەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، خىتاي، تۇڭگانىلارغا تىلماچلىق قىلاتتى ۋە ياساۋۇل بېشى دېگەن دەرىجە بىلەن ناھايىتى ئىززەت ۋە ئابرويغا ئىگە ئىدى. باي مۇھەممەت جارچى بېشىنى بەش يۈز يىگىتى بىلەن دادخۋانىڭ ئالدىدا قويۇپ كورلىدا قالدۇردى. ئاندىن تۆرەم باشلىق ھەممە قوشۇنلار ئاقسۇغا قاراپ راۋان بولدى. ناھايىتى تېز ئالدىراپ ئاقسۇغا كەلدى. بەك بەچچە ئاقسۇغا ئالدىدا كېلىپ، غەزىنىلىرىنى سەرەمجان قىلىپ تۇرغان ھالەتتە، بارلىق قىرغىز - قىپچاق ئەسكەرلەرمۇ يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭغىچە ئىككى كۈن ئۆتتى. بەك بەچچە جانابى ئالىنىڭ جەسىدىنى ئېلىپ قاشغەرگە ماڭدى. ئۇ ئەسلىدە دادامنىڭ جەسىدىنى قاشغەرگە ئېلىپ بېرىپ، ھەزرىتى ئاپاقتا دەپنە قىلىپ، ئاكام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ياكى ئاكام ياكى مەن كېلىپ خىتايلار بىلەن غازات قىلارمىز دېگەن ياخشى نىيەت ۋە مەقسەت بىلەن يولغا چىققان ئىدى.

بۇ چاغدا نىياز ھاكىم بەك باشلىق بىرنەچچە پىتنە - پاساتچى، ئۇرۇغى بۇزۇق بەدنىيەتلەر پىتنە - پاسات ئوتىنى شۇم نەپىسى بىلەن پۈدەپ تۇتاشتۇرۇپ، قاشغەردىكى چوڭ بەككە خەت يېزىپ، “كىچىك بېگىم كەتتى، خۇي - پەيلى باشقىچە، ئەلۋەتتە ئېھتىيات قىلغايلا - ۋەسالام” دەپ خەۋەر قىلدى. چوڭ بەك خەتنى كۆرۈپ يىگىت، سەرباز بىلەن ئاتلىنىپ، مەنزىلمۇ - مەنزىل يۈرۈپ، ئاقسۇدىن تۆت مەنزىل يىراقتىكى يايدى دېگەن جايغا بېرىپ تۇرۇپلاشتى. بەك بەچچىنىڭ چاپاۋۇلى ئالاش بېي دادخۋا دېگەن تۇڭگانى چولقۇدۇق دېگەن يەرگە ئورۇنلاشقان ئىكەن. جانابى تۆرەمنىڭ پەرمانى بىلەن مۇھەممەت سەيىد پانسەت، ھاپىز بەك پانسەتلەرمۇ چاپاۋۇل بولۇپ، بۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ جەڭگە كىرىشتى، ئالاش بېي دادخۋانى يىگىتلىرى بىلەن قوشۇپ ئارقىغا ياندۇرۇپ، بىرنەچچە يىگىتنى ئولجا - ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كېلىپ، جانابى تۆرەمگە دۇئا قىلدى. قاشغەرلىق ئاخۇن پانسەت ئۆز يىگىتلىرى بىلەن تۆرەم تەرىپىگە قېچىپ ئۆتۈپ دۇئا قىلدى ۋە ھەممىگە مۇبارەكبادلىق ۋە خۇرسەنلىك ئېلىپ كەلدى. ئۇ كۈنى ئارام ئېلىپ، ئەتىسى ئىككى تەرەپنىڭ خۇددى دەريادەك ئاققان ۋە مۇكەممەل قوراللانغان قانخور قوشۇنلىرى بىر بىرىگە قارشى سەپ تارتىپ جەڭگە كىرىشتى. ئۆلتۈرۈش - قىرىش ئوتلىرىنىڭ شولىسى جۇش ئۇرۇپ ئۆرلەپ، ھەر ئىككى تەرەپمۇ زىيانغا ئۇچراشقا باشلىدى. تۆرەمنىڭ باتۇرلىرى بەك بەچچىنىڭ يىگىتلىرىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ، كىرەلەپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ئاتاباي ھۆدەيچى سەپنى بۇزۇپ، يىگىتلىرىنى ئېلىپ، تۆرەمىدىن يۈز ئۆرۈپ، بەك بەچچە تەرەپكە قېچىپ كەتتى. نەتىجىدە بەك بەچچە تەرەپكە قۇۋۋەت ھاسىل بولدى. تۆرەم تەرەپ زەئىپلەشتى. مۇشۇنداق ھالەتتە تۆرەمنىڭ مۇقەررەرلىرىدىن ھۈسەيىن مەھرەم بېشىغا ئوق تېگىپ جان ئۈزدى. تۆرەم ئارقىغا ياندى. ئەمىرى لەشكەر كېرىم قۇل دادخۋا، كېرىم باي مىرزا، ئەلى بەك پانسەتلەرمۇ ئارقىغا ياندى. مۇھەممەت مۇسا توقسابى، مۇھەممەت رەھىم پەھلىۋان، كىچىك لاۋۇرلار بىر مىڭ بەش يۈز يىگىت، سەربازلىرى بىلەن كەينىنى ئارىلاپ، قاچشال ئېچى بىلەن ئەنجانغا راۋان بولدى.

ئىككى تەرەپ ئالتە سائەت ئۇرۇش قىلغان ئىدى. ئىككى تەرەپتىن بىر مىڭ بەش يۈزچە يىگىت، سەرباز زىيان بولۇپتۇ. ئاتاباي ھۆدەيچى بەك بەچچە تەرەپكە ئۆتۈپ دۇئا قىلىپ تۇرۇپ “يايدىدا بىرمۇنچە غەزىنە بار ئىدى، زايا بولارمىكىن” دېگەندە، بەك بەچچە “ئانداق بولسا سىز ئىلگىرى بېرىپ غەزىنىلەرنى ئېلىشقا ھازىرلىق قىلىپ تۇرۇڭ” دەپ پەرمان قىلدى. ئۇ تېزلىك بىلەن بېرىپ، غەزىنىلەرنى ئېلىۋاتقان چاغدا جانابى تۆرەم يېتىپ كەلدى. ئاتاباي قاچقان بولسىمۇ، ئۇنى تۇتتۇرۇپ كېلىپ، يالڭاچ قىلىپ باغلاپ “سەن مەندىن نېمە يامانلىق كۆردۈڭ؟ مەن سېنى ھۆدەيچى قىلىپ ئىلتىپات قىلدىم. سەن بولساڭ ماڭا تۇزكورلۇق قىلدىڭ” دەپ يامان بىر سەرەكەش توسۇن ئات تاپتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنى ئاتنىڭ قۇيرۇغىغا باغلاپ سۆرۈتۈپ قويۇپ بەردى. ئۇ پارچە - پارچە بولۇپ يوقالدى. غەزىنىنى تالاشقا بۇيرۇق قىلدى. ھەممىسىلا تالاپ كەتتى. نەزم:

نالە قىلما غەيرىدىن ئۆزۈڭ ئىشىدىن بول مەلۇل

كىم زەھەرنى تېرىپ ئېتىردىڭ ھەم زەھەر تاپتىڭ ھوسۇل

نەزم:

شەمئى پەرۋانىنى كۆيدۈردى،

ھەم كۆيگۈسى ئۆز ئايىغى بىلەن.

گەپنىڭ ھاسىلی شۇكى، جانابى ھېكىم خان تۆرەم ئايكۆلگە كېلىپ، ئاندىن ئارالغا بېرىپ، بۇ جاينى ئارلاپ ئۇچتۇرپانغا ئۆتتى. ئاندىن بەدەلى داۋانىنى ئېشىپ ئىسسىقكۆلگە بېرىپ ۋە بۇ جايدىمۇ تۇرالماي، فەرغانە ۋىلايىتىدىكى ئەسكە دېگەن جايدىكى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ ئورۇنلاشتى. تۆرەم بىلەن مۇھەممەت مۇسا توقسابىيەلەر بىلەن بىللە ئون مىڭغا يېقىن يىگىت، سەربازلار يېتىپ چىقىپ كەتتى. بەچچە باتۇر باشلىق بىرمۇنچە يىگىت توختاپ قېلىپ، بەك بەچچىنى دۇئا قىلىپ ئىلتىپاتقا يەتتى. بەك بەچچىگە ئەنە شۇنداق يوق بىرنەچچە ئەمەلدار - مەنسەپدار ۋە يىگىت، سەربازلار خوتەن قاتارلىق تەرەپ - تەرەپتىكى جايلارغا قېچىپ سەرگەردان بولدى، بىرمۇنچىسى چۆلنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، چىقالماي يوق بولدى. چۈنكى، جانابى ئاتالىق غازى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئىسلام رۇۋناقى بىلەن راۋاجىمۇ بىللە كەتكەن ئىدى. جانابى ئالى ئاتالىقنىڭ ئىسمى لەقەپلىرى “بەدۆلەت” ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق لەقەم ئىكەن. ئىللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ دىل كۆڭۈللىرىدىن ئىسلامى شېرىپ نۇرى ۋە مۇھەببىتىنى يىراق ۋە يوق قىلمىغايسەن ۋە ئۇنى مۇسۇلمانلار جامائىتى بىلەن بىللە قويغايسەن. ئىللاھەم قىيامەتتە بىزنى مۇسۇلمانلار ۋە مىسكىنلەر (يوقسۇللار قاتارىدا) ھەشىر قىلغىن (قىيامەتكە يىققىن - ت) نەبى ۋە مۇرسەل پەيغەمبەرلەرنىڭ ھۆرمىتى بىلەن ئامىن!

15

جانابى بەك قۇلى بەك ئىبنى مۇھەممەت ياقۇپ بەك ئاتالىقنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىغى ۋە ئاقسۇ، خوتەننى ئىلكىگە ئېلىشى ھەم دۆلىتىنىڭ تامامەن يوق بولۇشى ۋە بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ۋەقە، ھادىسە - ئەھۋاللارنىڭ بايانى

ئەزىز تەمكىنلىك يارەنلەر، لەۋزى لەززەتلىك بۇرادەرلەرنىڭياخشى - ياماننى ئايرىيدىغان كۆڭۈللىرىگە رۇشەن ۋە ئوچۇق بولغايكى، بۇنداق بىر خىل نەقلى ھېكايە ۋە قىسسەئى ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، جانابى ئاتالىق غازىنىڭ جەسىدىنى بەك قۇلى بېگىنىڭ بۇرادەر ئىنىسى ھەق قۇلى بېگىم ئېلىپ قاشغەرگە ماڭغان ئىدى. بىرنەچچە پىتنە - پاساتچى يامان غەرەز ئادەمنىڭ ئۈستىلىق بىلەن پىلانلىشى، بەلكى ئۇ قادىرى مۇختار ئاللانىڭ ئىرادە تەقدىرى بىلەن، ئۇ ئەڭ ئەۋۋەل ئۆزىنىڭ بىگۇنا ۋە ئەيىبسىز بۇرادەر ئىنىسى بىلەن ناھەق قان ئارقىلىق ۋىدالىشىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ھاقارەت ۋە نەپرەتكە نىشانە بولدى. ئاندىن كېيىن جانابى سەيىد ھېكىم خان تۆرەم بىلەن دۈشمەنلىشىپ، ئۇنى يوق قىلىشنى قەتئىي نىيەت قىلدى ۋە ئەمىرى لەشكەر ئۆمەر قۇل دادخۋا، جامىدار دادخۋا، ئالاش بېي دادخۋالار باشلىق ئون بەش مىڭدىن ئارتۇق شانلىق قوشۇن بىلەن تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى ماھى جامادىلاخىرنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى (مىلادى 1877 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى - ت) ناھايىتى داغدۇغىلارنى قىلىپ، ئاتلىق يۈرۈپ، چۆلقۇدۇق ۋە يايدى قاتارلىق جايلاردا تۆرەم بىلەن ئۇرۇشتى. مۇھەممەت قاۋۇل ياساۋۇل بېشى ۋە پىسەر پانسەتلەر ئوقتا ئۆلدى. جامىدار دادخۋانىڭ بەشمىداق قولىنى ئوق ئۇچۇرۇپ زەخمىدار قىلىپ، كاردىن چىقاردى. ئۇ مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىپ تۇرغاندا، ئۈشتۈمتۈت غەلىبە چىرايىنى كۆرسىتىپ، ھېكىم خان تۆرەم ئارقىغا ياندى. بۇ ۋەقەلەر يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ئىدى. جانابى بەك بەچچە ئەركانى دۆلەتلىرى بىلەن مەنزىلمۇ - مەنزىل يۈرۈپ ئاقسۇدا رۇس سەلتىنەتىگە ئورۇنلىشىپ، ئاتا مىراسى تەختىگاھىغا چىقتى. نەتىجىدە ئاقسۇ، كۇچار، ئۇچتۇرپانغىچە بولغان جايلار بەك بەچچىنىڭ ئىدارىسىگە ئۆتتى.

ئۇ ئىلگىرى تۆرەمگە قارايدىغان چوڭ - كىچىك ئەمىرايى پانسەتلەرگە جازا قويۇپ ئەيىبلەپ، بەزىلىرىنى نەزەربەنت قىلدى. بەزىلىرىنى قاشغەر، ياركەنتكە ھەيدىدى. ئۇ ئاقسۇدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئابدۇراخمان دادخۋانى ئاقسۇغا ئالاھىدە ھاكىم قىلدى. مۇھەممەت رەھىم خان تۆرەمنى كۇچاردىكى ئورنىدىن ئېلىپ ئامىل خان تۆرەمگە ياردەمچى قىلىپ بەلگىلىدى. ئۇچتۇرپاندىكى مۇھەممەت بابا توقسابېيىنى بىكار قىلىپ، كۇچارغا ئاپىرىپ نەزەربەنت قىلغان ئىدى، كېيىن يەنە ئۇنى ئالدۇرۇپ كېلىپ، ئۆز يۇرتىنى مەرھەمەت قىلدى.

لېكىن، ئامىل خان تۆرەم كۇچارغا بارغاندىن كېيىن، خاتىرجەم يېتىپ بىپەرۋالىق قىلدى. ئۇ دەسلىپىتە كۇچارلىق قادىر بەك پانسەت، شاھيارلىق مەمۇر پانسەت، ئالاش دادخۋانىڭ ئىنىسى يولداش بېي پانسەت باشلىق بەش پانسەتنى بۈگۈرگە قاراۋۇلچى قىلىپ قويغان ئىدى. بۇ پانسەتلەر زاماننىڭ ئىش ئەھۋاللىرىغا قاراپ، نىيەتلىرىنى بۇزۇپ، ھەممىسى بىللە ئولتۇرۇپ كېڭەش - مەسلىھەت قىلىپ، يامان نىيەت بىلەن “كۇچارنى ئەڭ دەسلىپىتە بىز بۇزۇپ، خىتايلارنى ئولتۇرۇپ، يۇرتلارغا ئىگە بولغان ئىدۇق. ھازىر خىتايلار يەنە چىقىپ تۇرپانغا كىردى. بۈگۈن ياكى ئەتە كۇچارغا كېلىش ئېھتىمالى بار. خاقانى چىنىنىڭ زور ۋە كاتتا دۈشمىنى داخو، شۇخو دېگەنلەر ئىكەن. بىز كۇچارنى ئەنجانلىقتىن ئاجرىتىۋېلىپ، ئۆزىمىز باشقۇرساق ۋە داخو، شۇخولارنى قولغا كەلتۈرۈپ خىتايلارغا تارتۇق - سوغا قىلساق، بۇ باھا بىلەن خاقانى چىنى بىزنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرىمىزغا ئەپۇ قەلەمىنى سۈرۈپ، كۆچۈرۈم قىلسا ھەجەپ ئەمەس” دېيىشىپ، بىر كېچىدە بۈگۈردىن قوزغىلىپ، كۇچارغا قاراپ يولغا چىقتى. كۇچارغا بىر مەنزىل كېلىدىغان ياقا توقۇناي دېگەن ئورتاققا كېلىپ، تاغ ئېرىغى كەنتلىرىدىن ئىككى مىڭ توقماقچىنى توقلاپ، ئاندىن يۈرۈپ كېچىلەپ كۇچارغا كېلىپ، شەھەرنىڭ تۆت تەرىپىنى قورشىدى. بۇ ۋەقەنى ئامىل خان تۆرەمگە مەلۇم قىلسا، ئۇ “قادىر پانسەتنىڭ ھەددى بارمۇ، بىھۇدە سۆزلەرنى قىلما” دەپ، پەرۋا قىلماي، يەنە ئۇيقۇغا كەتتى. كۇچاردا توپ، زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان بىر مىڭ تۇڭگانى ۋە سەربازلار بار ئىدى. قادىر پانسەت مەخپى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە قاراتتى. ئۇنىڭغىچە تاڭ ئاتتى. تۆرەممۇ ئۇيقۇدىن كۆزىنى ئېچىپ قاراپ باقسا، ئىش ئەكسىچە بولۇپتۇ، ئۇ ھەيران بولۇپ ئۇرۇشقا تەييارلاندى. ئىككى تەرەپمۇ ئوق چىقىرىپ ئۇرۇشقا كىرىشتى. تۆرەمنىڭ ئادەملىرىدىن ئابدۇللا بەك باشلىق بىر يۈز سەكسەنيەچە ئادەم نابۇت بولدى، تۆرەم باراۋەرلىك قىلالماي ئۆزىنى ئاقسۇغا ئالدى. قادىر پانسەت كۇچارنى ئىلكىگە ئالدى.

ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەيلا تۇڭگانى داخو، شۇخولارنىڭ ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىللە كورلىدىن قوزغىلىپ كېلىۋاتقانلىغى ئاڭلاندى. قادىر پانسەت ئاڭلاش بىلەنلا بەش مىڭ ئادەم تەييارلاپ، قارايىغاچ، ئۈچ قارا دېگەن جايغا چىقىپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشتى. ئۈچ يۈزچە ئادەم زىيان بولدى. تۇڭگانلار غەلىبە قىلدى. كۇچار لەشكەرلىرى باراۋەرلىك قىلالماي، قالايمىقان بولۇپ قاچتى. قادىر پانسەمۇ ئۆز جېنىنى جايلاپ يوشۇرۇندى. تۇڭگانلار كۇچارنى بېسىۋالدى. ئۇ قادىرى مۇختار ئاللانىڭ قۇدرەت كۈچىنى شۇنىڭدىن كۆرۈش كېرەككى، كۇچار بىر ئاي ئىچىدە ئامىل خان تۆرەمدىن قادىر پانسەتكە ئۆتتى ۋە قادىر پانسەتتىن داخو، شۇخولار ئالدى ھەم تۇڭگانلارنىڭ قولىدىن خىتايلارغا ئۆتتى.

گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، بۇ دۇنيا بىر قېرى مومايدۇر. ئۇ ئۆزىنى گۈزەل جۇۋاندەك ساھىپ جامال كۆرسىتىپ، ھەر كۈنى بىر ئەردنىڭ بوينىغا قول ئوزارتىپ قۇچىغىغا ئالىدۇ ۋە ھەر بىر كېچىدە دىلىنى بىر ئەردنىڭ مېھرى - مۇھەببىتىگە بېغىشلاپ ئۈلپەت بولالايدۇ. شۇنداقلا بۇ دۇنيا ئۆزىنىڭ سائادەت سەلتىنەت شادىيانىلىرىنى ھەر زامان باشقا بىر يەردە ئۇرۇدۇ. سەلتىنەت خۇتپىسىنى بولسا ھەر جۈمە كۈنى بىر ئادەمنىڭ ئىسمى - ناملىرىغا ئوقۇيدۇ. بۇ دەھرى ئالەم ۋە بىنىزام ۋە ئۆزىنىڭ بەش كۈنلۈك نۆۋىتىنى ھەر بىر ئېھتىرام ئىگىلىرىگە ئەنە شۇنداق كۆرسىتىپ كەلگەن.

ئەلقىسسە، نىياز ھاكىم بەك ئاقسۇدىن قاچقىنىچە خوتەنگە بېرىپ، قارشىلىق ۋە دۈشمەنلىك نەغمىسىگە كۈچەپ سادا بېرىپ، ئۇنىڭغا “مەندىن باشقا غەيرى يوق” دېگەن سەكىكە (پېچەت - ت) چاپلىدى. بەك بەچچە بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاشغەرنىڭ ئىشلىرىنى سەرەمجان قىلىپ، خوتەن تەۋەسىدىكى نىياز بەكنىڭ قۇلغىنى تولغاشنى مەقسەت قىلىپ تەييارلاندى. ئەمىرى لەشكەر ئۆمەر قۇل دادخۋا، مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى، جامىدار دادخۋا، ئالاش بېي دادخۋا، ئەمىرى لەشكەر تۇڭگان مادالويه ۋە شىر مۇھەممەت پانسەت، ئالىم باي پانسەت، ئاخۇن پانسەت، ئەبۇلقاسىم پانسەتلەر ۋە توپ، زەمبىرەك، دۇھۇل، دۇمباق، ئەلەم، بايراق، قورال - ياراق، ئات - ئارغىماق قاتارلىقلار بىلەن مۇكەممەل قوراللانغان تەڭداشسىز يىگىرمە تۆت مىڭ ئەسكەر بىلەن ئاتلىنىپ، زىل - زىلىلە ۋە ھەشەمەت بىلەن مەنزىلمۇ - مەنزىل يۈرۈپ، جانابى ئاتالىق بەدۆلەتنىڭ تەرتىپ ۋە سۈلەت، قائىدە - قانۇن ھەم سەلتىنەتلىرىگە ئوخشاش داغ - دۇغا بىلەن ياركەنتكە قەدەم قويدى ھەم ياركەنتتىن شاغاۋۇل دادخۋانى بىر مىڭ يىگىتى بىلەن ھەمرا قىلىپ، خوتەن تەۋەسىدىكى زاۋا دېگەن شەھەرگە چۈشتى. بۇنىڭدىن نىياز ھاكىم بەكمۇ خەۋەردار بولۇپ، ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن لەشكەر بېشى بىلەن ئۆز ئوغلىنى باش قىلىپ، ئون مىڭ يىگىت، سەرباز ۋە جېنىدىن كېچىكەن يىگىرمە مىڭ توقماقچى بولۇپ، جەمئىي ئوتتۇز مىڭ ئادەم بىلەن بەك بەچچىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ھەر ئىككى تەرەپمۇ سەپ تۈزۈپ جەڭگە كىرىشتى. خوتەن ئادەملىرىنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن پاراكەندە چوماقچىلار ئۆلۈپ كەتتى. ئاقىۋەت بەك بەچچىنىڭ يىگىتلىرى غەلىبە قىلدى. مۇھەممەت ئىمىن بەك پاراكەندە ئادەملىرى بىلەن پىتىراپ قاچتى. نىياز ھاكىم بەكمۇ تەييار تۇرۇپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا كېرىيە تەرەپكە قاراپ يولغا چىقتى. ئوردا ئىچىدىكى غەزىنىلەرنى بولسا يىگىت، سەرباز ۋە توقماقچىلارنىڭ تالان - تاراج قىلىشىغا ھۆكۈم قىلدى. بەك بەچچە زەپەرگە ئىگە بولۇپ، نىياز ھاكىم بەكنىڭ قاچقانلىغىنى ئاڭلاپ، ئەبۇلقاسىم پانسەت، مىرزا ئەلى پانسەتلەرگە سەكسىز يۈز ئىلغار يىگىتنى قوشۇپ، نىياز بەكنى تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن پەرمان قىلىپ، زاۋا دېگەن جايدىن يولغا سالدى. غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، ئۆمىرزا ئەھمەت قۇشبېگى، ئۆمەر قۇل دادخۋا، جامىدار دادخۋا، شاغاۋۇل دادخۋا باشلىق كاتتىلار بىلەن ئادەتتىكىدەك مەسلىھەت قىلىپ، “خوتەننى ئالدۇق. ئەمدى خىتايلار بىلەن غازات قىلساق، ئۆدۈل كەنت يوللىرى ئارقىلىق ئاقسۇغا چىقىپ ئۇرۇشقا بارىمىزمۇ، ياكى ئالدى بىلەن قاشغەرگە بېرىپ ئاندىن ئۇرۇشقا بارىمىزمۇ، قانداق مەسلىھەت دەيسىزلەر” دېگەن گېپىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى. ھەممىسىلا باشلىرىنى تۆۋەنگە سېلىپ، پىكىر - تەپەككۇر قىلالماي تۇرغان بىر پەيتتە، شاغاۋۇل دادخۋا سۆز ئېچىپ “خاقان ئىقلىمى بولسا ھەممىدىن چوڭ ۋە كاتتىدۇر. دادىلىرىمۇ بۇنى بىلىپ ئۇرۇشمىغان. بىرنەچچە ياخشى باتۇرلار يايدى جېڭىدىن يانغاندىن كېيىن يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. بىرنەچچە باتۇرلار بولسا ئۆلۈپ كەتتى. ئەمدى ياخشى مەسلىھەت شۇكى، خاقانى چىنى بىلەن ئۇرۇشىمىز دېمىسەك، مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىغا زامىن بولمىساق، قاشقەردىن ئايىملارنى ئېلىپ كېلىپ، ياركەنت بىلەن چىقىپ خەلىپەئى رۇمنىڭ خىزمىتىگە بارساق ياكى ھەرەم شېرىپنىڭ زىيارىتىگە كەتسەك” دەپ مەلۇم قىلدى. بەك بەچچە باشقىلارغا قاراپ “سىزلەر نېمە دەيسىزلەر” دېگەندە، ئۇلارمۇ “دادخۋا ئاغامنىڭ مەسلىھىتى ياخشى، ياخشى مەسلىھەتتۇر. بۇ بىزگىمۇ ماقۇل” دېيىشتى.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.