5. ئىككىنچى داستان (2-قىسىم): يەتتە شەھەر خانلىقى دەۋرى
بەك بەچچىمۇ ماقۇل تۇتۇپ “ئانداق بولسا بىز خوتەندىن يانغىچە ئايىملارنى ياركەنتكە ئېلىپ كەلسۇن” دەپ ئۆشۈر مۇھەممەت سەركانى ئايىملارغا ماڭدۇردى ۋە ئۆزى خوتەن شەھىرىگە چۈشۈپ، خوتەننى كۇچارلىق سەئىد بەككە مەرھەمەت قىلىپ، بۇ مەملىكەتنىڭ بارلىق مەمۇرى ئىشلىرىنى تاپشۇرۇپ، خوتەننىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ماھى شەۋۋالنىڭ ئون سەكسىزىنچى كۈنى (مىلادى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى - ت) ياركەنتكە قايتىپ كەلدى.
قاشغەردىن ئايىملارنى ئېلىپ چىققان ھامان، قاشغەردىكى ئەمىرى لەشكەر خۇدالويه ئەمىرى ئىتائەت رىشتىسىنى ئۈزۈپ، قارشىلىق ۋە دۈشمەنلىك قىلىشقا تەييارلاندى. نىياز ھاكىم بەكنىڭ كەينىدىن ماڭدۇرغان ئەبۇلقاسىم پانسەت نىياز ھاكىم بەكنىڭ كەينىدىن ماڭدۇرغان ئەبۇلقاسىم پانسەت نىياز ھاكىم بەكنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئون ئالتە كۈنلۈك يولنى تۆت كېچە - كۈندۈزدە مېڭىپ، نىيە دېگەن شەھەردە قوغلاپ يەتتى. نىياز بەكنىڭ ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەمىرى لەشكەر يىگىتلىرى بىلەن توختاپ تۇرۇپ جەڭگە كىرىشتى. ئىككى تەرەپتىن ئىككى يۈزگە يېقىن ئادەم زىيان بولۇپتۇ. مىرزا ئەلى پانسەتكە ئوق تېگىپ شاھادەت شەرۋىتىنى ئىچتى. تۆت كۈنلۈك يولنى بىر كۈندە مېڭىپ بارغاچ، كۆپ يىگىتنىڭ ئاتلىرى قۇملۇقتا ھېرىپ توختاپ قالغان ئىدى. ئاخىرى بۇ پانسەتلەر كەينىگە ياندى. نىياز بەك خىتايلار تەرەپكە قاراپ راۋان بولدى. ئەبۇلقاسىم پانسەتلەر خوتەنگە يېنىپ كەلسە، سەئىد ھاكىم بەكنىڭ نىيىتى بۇزۇپ، ئۇلارنى تۇتۇشنى قەستلىدى. ئاقىۋەت مەزكۇر پانسەتلەر يىگىتلىرىنى جەمىلەپ توپ بولۇپ، ئامان - ئېسەن ياركەنتكە كېلىپ، بەك بەچچىگە دۇئا قىلدى ۋە سەئىد بەك بىتەلەينىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى. بەك بەچچە كىشى ئەۋەتىپ، سەئىد بەكنى ئەيىبلەپ گۇناكار قىلىپ، خوتەندىكى خىزمىتىدىن بىكار قىلدى. باي ھاكىمى مۇھەممەت ئىمىن توقسابېيىنى قاراقاشقا ھاكىم قىلغان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭغا خوتەننى مەرھەمەت قىلدى.
ئەلقىسسە، جانابى بەك بەچچە ئاقسۇدىكى بارلىق ئەمىرى لەشكەرلەرگە بەچچە باتۇر ئەمىرى لەشكەرنى چوڭ قىلىپ تاپشۇرغان ئىدى ۋە ھاجى ئارتۇق مىرزا بېشىنى بارلىق سەربازلارغا ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، توپ، زەمبىرەك، دۇھۇل، دۇمباق ۋە قورال - ياراقلارنى تاپشۇردى. بەش مىڭ يىگىت، سەرباز ئاقسۇدا تۇراتتى. بۇ چاغدا كۇچاردىكى قادىر پانسەت ئەمىرى ئىتائەتتىن چىقىپ، كۇچارنى ئىگىلەپ ئولتۇرغان ۋە ئامىل خان تۆرەم ئاقسۇغا قېچىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا تۆرەم بۇ كۈنلەردە ئۇچتۇرپان ھاكىمى مۇھەممەت بابا توقسابېيىنى ئاقسۇغا ئېلىپ، قادىر پانسەتنى تۇتۇپ، كۇچارنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ تەرەددۇت ۋە مەسلىھەتىدە بولۇپ، ھېسابسىز مەدىن پانسەتنى باش قىلىپ، ئۇنى يەنە تۆت پانسەت بىلەن كۇچارغا يولغا ئەۋەتتى. بۇلار تىجىك يولى بىلەن كۇچارغا كىرمەكچى بولدى، يەنە بەش پانسەتنى باش قىلىپ ياقىرىققا ماڭدۇردى. بۇلار چوڭ يول بىلەن كۇچارغا كىرىپ، قادىر پانسەتنى تۇتۇپ، كۇچارنى قولغا كىرگۈزمەكچى ئىدى. دەل مۇشۇنداق مەسلىھەت بولۇۋاتقان مەزگىلدە، خىتايلار كۇچارغا كىرىپتۇ، تۇڭگانلار سايرامغا قېچىپ كېپتۇ دېگەن خەۋەر كەلدى، كۇچاردىكى مۇساپىر پانسەتلەر تۇڭگانلاردىن بۇرۇن ياقىرىققا كېلىپ، ياقىرىقتىكى پانسەتلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ خىتايلار بىلەن ئۇرۇشتى، خىتايلار غەلىبە قىلىپ چوڭ يولغا كىردى. پانسەتلەر قىزىلبۇلاق يولى بىلەن قېچىپ، ئاقسۇغا كېلىپ، مۇھەممەت بابا توقسابېيى ئەمىرى لەشكەر قاتارلىقلارغا خەۋەر قىلدى. ھەممىسىلا ھەيران بولۇپ، ئاقسۇدىكى ئابدۇراخمان دادخۋادىن گۇمان قىلىپ، ئۇنى نەزەربەنت قىلدى. ياساۋۇل بېشىمۇ گۇنا قويۇپ تۇتۇپ، قاشغەرگە ماڭدۇردى. ئاقىۋەت ئۇلار ھەر خىل مەسلىھەتلەرنى قىلىشىپ، باش - ئاياقلىرىنى تاپالماي، ھەيران ۋە سەراسىمىگە چۈشۈپ، ناماز خۇپتەن بىلەن مۇقىم جان ئېلىش بېشىنى ئاقسۇغا ھاكىم قىلدى. كېچىچە ئابدۇراخمان دادخۋانىڭ غەزىنىلىرىنى خەتلىدى. لېكىن تاڭ ئاتقاندا ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى پارا - كەندە بولدى. ئەمىرى لەشكەر ۋە پانسەتلەر تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇشىمىز دەپ يولغا چىقتى. ئەمما تۇڭگانلار قېچىپ كېلىۋاتىدۇ، كېيىندىن خىتايلار دۇم - دۇم قوغلاپ كېلىۋاتىدۇ دېگەن خەۋەرلەر كېيىنى - كېيىندىن كەلگىلى تۇردى. ئەمىرى لەشكەرلەر يولغا چىقىپ قويۇپ، تۇڭگانلارغا تاقابىل تۇرالماي ۋە شەھەرگىمۇ قايتىپ كىرەلمەي، ئىلاجسىز قاشغەرگە راۋان بولدى. بۇنىڭغىچە ۋاقىت چۈشكە يېقىنلاشتى. تۇڭگانلار گۇياكى چېپكەتكەدەك كېلىپ، شەھەرگىمۇ كىرمەي، ئۇچتۇرپان تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ئوتتۇز يول مىقدارى بىر جايغا چۈشتى. شۇ كېچىسى تۇڭگانلار گۇرۇھى تامامەن ئۆتۈپ بولدى. كېچە قاراڭغۇسى كۆتۈرۈلۈپ، تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ، شەرقىي تەرەپتىن خۇددى يالغان تاڭدەك نۇسرەت ئەسەرلىك قارا چېرىكلەر نامايان بولدى، بۇ تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى، يەنى ئات يىلى ماھى شەۋۋالنىڭ ئون يەتتىنچى چارشەنبە كۈنى ئەقرەپ پەسلى (مىلادى 1877 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى - ت) ئىدى. فەغفۇرچىننىڭ قارا چېرىكلىرى مېڭەن قارا ئاتلىرىنىڭ قارا تۇياقلىرى ئاقسۇ زېمىنىغا بېسىپ كىردى.
ئەلقىسسە، مەزكۇر ئەمىرى لەشكەر ۋە يىگىتلەرمۇ ئاقسۇ ۋە كۇچاردىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۇ ئاللا مالىكۈلمۈلۈك ئەلەماننىڭ ئەمىرى - پەرمانلىرىغا بوي سۇنۇپ، بەزىلىرى ئۇچتۇرپان ئارقىلىق ئىسسىقكۆل تەرەپكە كەتتى. بەزىلىرى قاشغەر، ياركەنتكە باردى. بەك بەچچە بۇ ھادىسىلەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە، ياركەنتتىكى يىگىتلەر ئىچىدە مالىمان پەيدا بولۇپ، بەزىلىرى قاشغەرگە، بەزىلىرى يېڭى ھىسارغا قاچتى، بەك بەچچىنىڭ غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ يېڭى ھىسارغا كەلدى. قاچقانلارنىڭ ئىچىدىن ئاخۇن پانسەتنى چاپتى، نەچچە مەھرەم، يىگىتنى دارغا ئاستى، بەزىلىرىنى نەزەربەنت قىلدى. مۇشۇ يول بىلەن قاتتىق تۇتقانلىقتىن، يىگىتلەر يەنە يىغىلدى، ئۇ قاشغەردىكى يېڭى مۇسۇلمان خۇدالويهنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن خىتايلار بىلەن غازات قىلسام دېگەن مەسلىھەت بويىچە، ئۆزكۆر خۇدالويه ئۈستىگە ئاتلاندى. بۇ چاغدا ئۇنى ئالاش دادخۋا مۇھاسىرە قىلىپ تۇرغان ئىدى. بەك بەچچە باشلىق ھەممە ئەمىرى لەشكەر ۋە يىگىت ئەسكەرلەر كېچە - كۈندۈز جەڭ - تېنى بىلەن كىرىشتى. چۈنكى، بارلىق غەزىنە ۋە چوڭ - كىچىك ئەمىرى لەشكەر، ئەمىرايى پانسەتلەرنىڭ خوتۇن، بالىلىرى، ئۆي تەئەللۇقات ۋە ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭى شەھەردە ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدالويه بىلەن خىتايلار ئىگە بولغان ئىدى.
سۆزنىڭ ھاسىلی شۇكى، ئۇلار ياغاچ ۋە شوتىلاردىن پوتەي - ئىستىھكام قۇرۇپ، كۆچنىڭ يېتىشى ۋە تاقىتىنىڭ بېرىچە ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ باقتى. شۇنداق قىلىپ، يىگىرمە سەكسىز كۈن ئۆتتى. شەھەرنى ئالالمىدى. زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى (مىلادى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى - ت) شەھەر سېپىل پوتەيلىرىنىڭ تېگىگە لەخمە كولاپ، تېگىگە دورا قويۇپ تەييارلاپ، ئەتىسى ئوت تۇتاشتۇرۇپ شەھەرنى ئالىمىز دېگەن چاغدا، شۇ ئەتىسى خىتاي چېرىكلىرى يېتىپ كەلدى. سېپىلغا ۋە باشقا ئىشلارغا قاراشقا ئەسلا پۇرسەت ۋە ئارام بولمىدى. ئۇلار ئىلاجسىز ئەنجان يولىغا قاراپ راۋان بولدى. مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى بىر مىڭدىن كۆپرەك يىگىت بىلەن قۇم دەرۋازىسىدا تۇرۇپ، يىگىتلەر ۋە مۇساپىر سودىگەر، بايلارنى ئامان - ئېسەن شەھەردىن چىقىرىپ، كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدى. خىتاي چېرىكلىرى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى يىگىتلىرى بىلەن شەھەردىن چىقىپ، ئۆزىنى فەرغانە ۋىلايىتى تەرەپكە ئالدى، خىتايلار ئاتا - بوۋا ئەجداتلىرىدىن باشلاپ ئىگىلەپ كەلگەن مىراسىغا يەنە ئىككىنچى قېتىم ئىگە بولدى.
دېمەك، جانابى ئاتالىق غازىنىڭ شۇنچە ئۇلۇغ ۋە شەۋكەتلىك پادىشاھى ئەززەمنىڭ نەمۇنە ۋە نىشانلىرىدىن، قىسسە ۋە ھېكايىسىدىن باشقا، بىرمۇ نەمۇنە يادىكارى قالمىدى. بۇ ئاجايىپ ۋەقەلەر بولسا ئەلۋەتتە تەجرىبە - ساۋاق ۋە ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر. “ئەي ئىبرەت كۆزىنىڭ ئىگىلىرى ئىبرەت ئېلىڭلار” دېگەن ئايەتمۇ بار. قىتئە:
خۇدايىكىم ئېرۇر مالىكۈلمۈلك،
ھەر كىمگەكى بەرسە تۇتتى ئەلمۈلك.
نە ھەددى بولغاي كىشىگە مۈلك ئالماق،
شەھەنشاھكى ئول تەنزئىلمۈلك.
نەزم:
ھەرچە خالىق خۋائىلىغانى ئول بولۇر،
ئانچە مەخلۇق خۋائىلىغانى قايدا بولۇر.
گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ئۇ دائىمى خۇدانىڭ بېھتىياجسىز ۋە شەپقەتسىز شامىلى قوزغالدى. بۇ يەتتە شەھەر ئاھالىسىنىڭ پېشانىسىدىن ئىسلام نۇرىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈردى. شەرق تەرەپتىن كەلگەن قارا چېرىكلەرنىڭ زۇلۇم بورانلىرى ئۆرلىدى ۋە بۇ يەتتە شەھەر ئاھالىسىنىڭ باشلىرىغا قارا پالاس ياپتى. دىيانەت نەسلىك مۇسۇلمانلارغا گۇيا بىر ئەلەم مۇسىبەت ۋە غەم يۈز كەلتۈردى. لېكىن مۇسۇلمان سۈرەتلىك ۋە دىلى مۇناپىقلارغا گۇيا بىر توي - مەرىكە، شادى - خوراملىق ۋە چىن كۆڭلىدە بىپايانلىق ھاسىل بولدى. ئۇ ئاللا خالىقى مۇختار ئۆزىنىڭ ئىرادە تەقدىرى بىلەن قازا ھۆكۈمىنى مۇنداق يول بىلەن ئىجرا قىلىپ تۇرغانىدا، ئۇنىڭ ئەمىرى ئىتائىتى ۋە پەرمان - بۇيرۇغىغا بوي سۇنماي، ھېچ چارە - ئىلاجىنىڭ يوقلۇغى بولسا ھەممە ئىنسان تېپىغا خۇددى قۇياش نۇرىدەك ئاياندۇر. شۇڭلاشقا ئۆلىمايى ئەززەملەر، دىندارلار، ئالى دەرىجىلىك ئەييانى ئەشرەپلەر ئىلاجسىز ۋە ئىختىيارسىز بېللىرىنى مەھكەم باغلاپ، ئۆز خىزمەتلىرىگە تەييار بولدى.
بەيىت:
شاھلار كەتتى چىقىپ مۈلكى جاھان بەندەنىكى،
نەچە ۋاقىت بولدى ھۆكۈمىتىنىڭ بارى كەنده نەكى①.
سورادىم بائىسىنى ئەھلى خېرەد② ئەيدى ماڭا،
بىلسەڭىز ئوشبۇ جاھان ھەممە شەرمەندە نەكى.
رىشە③ دۇر ئەھلى خېرەدلىرنىڭ دىلى غۇسسە بىلەن،
ئىشىرە تو ئەيشى جاھان ئاغزى تولا خەندە نەكى④.
سىغمادى ئەھلى خېرەدنىڭ بېشى ھەر يەرگە تۈزۈك،
مۈلكى جاي ھەممە ئەسۋاپ پاراكەندە نەكى.
پۇقرادۇر رەمە قوي⑤ باققالى چوپانى خىتاي،
بۆرىلەرنىڭ يولى بولدى رەمەدە دەھرەندە نەكى⑥.
ياشۇنۇپ ئەھلى خېرە تارتتى ئۆزىنى پەزلى راسا،
ئاشكار ئولدى پۇجۇر⑦ ھەممە سۆز مەيخۋا رەنەكى.
گەريە⑧ قىل فىر دوس ئەھلى تەرەسەندە نەكى.
─────────
① كەنده نەكى - سېسىقلارنىڭكى.
② خېرەد - ئەقىللىق.
③ رىشە - جاراھەت.
④ خەندە - ۋالاقىتەككۈز.
⑤ رەمە قوي - قوي پادىسى.
⑥ دەھرەندە - يىرتىقۇچىلار.
⑦ پۇجۇر - بۇزۇق.
⑧ گەريە - يىغا - زارە.
16
ئىككى يۈزلۈك نىياز ھاكىم بەكنىڭ قىسسە ۋە ھېكايىلىرى، يامان خۇلقى - مىجەزلىرى، ئەھۋال ئاقىۋەتلىرى ۋە يوقىلىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ قىسقىچە بايانى
ئىنساب دىيانەتلىك ۋە مۇھەببەت، ساداقەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ توغرا كۆڭۈللىرىگە رۇشەن ۋە ھېكايە بولغايكى، بۇنداق نەقلى - رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، نىياز مۇشۇك ئاغا بەك چەت - ياقىدا ياشايدىغان ياركەنتلىك بىر دىخان ئەۋلادى ئىكەن، ئۇ كىچىگىدىن باشلاپلا خىتاي مەنسەپدارلىرىغا مەھرەم ۋە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ، ھەدىس شېرىپتە “سۆھبەت تەسىر قىلىدۇ” دەپ كۆرسىتىلگەندەك، خىتايلارنىڭ مىجەز - خۇلقى بىلەن تەربىيىلىنىپ، قەدەممۇ - قەدەم چوڭ مەنسەپ تېپىپ، ئىنشىك ئاغا بولغان چاغدا، بۇ يەتتە شەھەردە مالىمانچىلىق پەيدا بولدى. بۇ چاغدا ئۇ ياركەنتتە ئابدۇراخمان ھەزرىتىمنىڭ خىزمىتىدە بولدى. تۇڭگانلارنىڭ خىزمىتىنىمۇ قىلدى. كۇچارلىق خوجاملار بارغاندا، ئۇلارغىمۇ خىزمەتكار ۋە پەرمانچى بولدى. مۇھەممەت ياقۇپ قۇشبېگى يېڭىدىن باش كۆتەرگەن چاغدا، قۇشبېگىنىڭ خىزمىتىنىمۇ قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپ بىلەن ياخشى چىقىشىپ، ئۇلار بىلەن مەخپى ياكى ئاشكارا ئالاقىلىرىنى قىلىپ تۇردى. بۇنىڭدىن كۇچارلىق ياقۇپ دىۋان بېگى خەۋەردار بولۇپ “ئۆزلىرى ھەممىسى بىلەن تەڭ - باراۋەر كۆرۈشىدىكەنلا، بىرلا ئۇلۇغنىڭ خىزمىتىدە بولمايدىكەنلا. بۇ ئىشلىرى ئوبدان ئەمەس” دەپ ئېتىراز بىلدۈرگەندە، ئۇ “بۇ يۇرت ئۇلارنىڭ قايسىبىرىگە قېلىپ تېپىشىنى بىلەلمەيمەن. شۇڭلاشقا، ھەممىسىگىلا باراۋەر خىزمەت قىلىۋاتىمەن، ئەگەر ئۆزلىرى بىلگەن بولسىلا بىرىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ بەرسىلە، ئۇ چاغدا مەن بىر ئىشىكتىن باشقا ئىشىككە ئەسلا بارمىغان بولاتتىم” دەپ چاقچاق - كىنايە بىلەن جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ مۇقەددىمىدىن مەلۇم بولدىكى، ئۇ ئالەمنى ياراتقۇچى ئاللا نىياز بەكنىڭ ئەسلى يارىتىلىشىنى ئۆز قەدىمى ئىلمى ئارقىلىق خۇددى تاغدىن چىقىدىغان تۇزغا ئوخشاش، تۇزكور قىلىپ ياراتقان ئىكەن. شۇڭلاشقا، ئۇ تۇزكورلۇقنىڭ مۇكاپىتىنى بۇ باقى ئالەمدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەتتى. بىز بۇنى تۆۋەندە يەنە تېزلا بايان قىلىمىز - ئاللا سەۋىر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر - ئىنشائاللا!
ئەسلى سۆزىمىزگە كەلسەك، جانابى ئاتالىق غازى ياركەنتنى ئىلكىگە ئېلىپ، بۇ جاينى مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇلغا ئىنئام قىلدى. نىياز بەكنى بولسا بۇ شاغاۋۇلغا شاغاۋۇل قىلىپ تەيىنلىدى. چۈنكى، ئۇ نىياز بەك شۇ ئارىلىق ئىسلام تەلىماتلىرىدىن تەلىم ئالسۇن دېگەننى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئاتالىق غازى خوتەننى بېسىۋالغان چاغدا بولسا، نىياز ئىشىك ئاغا بەكنى خوتەنگە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھاكىم قىلىپ تەيىنلەپ، ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن بەكنى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ بېكىتىپ، ئۇلارغا يەنە سەكسىز پانسەت تەيىن قىلىپ خوتەندە توختاتتى، ئۇ خوتەنگە ئون ئىككى يىل ھاكىم بولدى. ھاكىم بولغان كۈندىن باشلاپ ئون ئىككى يىلغىچە، ئۇ ھەر جۈمەدىن يانغاندىن كېيىن، بىر ئەرزىچى بىلەن يىگىرمە يامبۇلۇق قىممەتكە ئىگە ساپ ئالتۇننى ئەۋەتىپ، ئاتالىق غازىغا دۇئا قىلىپ تۇردى. ئۇ بۇ ئادىتىنى زادىلا توختاتمىدى ۋە كەممۇ بەرمىدى. يەنە ھەر يىلى ئىككى قېتىم چوڭ تارتۇق ئەۋەتەتتى، بۇ يۇقۇرىدا بايان قىلىندى. بۇ جايدا يەنە تەكرارلانمىدى.
بىر چاغدا جانابى ئالى بەدۆلەت بىر مۇھىم مۇددىئا ئۈچۈن نىياز ھاكىم بەككە ئىنايەتنامە ئەۋەتىپ، “بۇ ئىنايەتنامە تەگكەن ھامان بىر مەھرەم بىلەن ئاتنى قامچىلاپ، كىشىلەرگە بىلدۈرمەي، مەخپى ھالدا كېچىلەپ مېڭىپ، پالانى كۈنى كېچىسى ئالى دۆلەتخانىغا كېلىپ، پالانى ۋاقىتتا دۇئا قىلىپ يانسىلا، بىز ناھايىتى تاقەتسىز كۈتمەكتىمىز” دېگەن ئىكەن. ئۇ ئىنايەتنامە بارغان ھامان ئاتنى قامچىلاپ، بىر مەھرەم بىلەن دېگەن ۋاقتىدا قاشغەر يېڭى شەھەر دەرۋازىسىغا كەلسە، ئىككى مەھرەم پەنۇس تۇتۇپ، نىياز ھاكىم بەك ھېلى كېلىدۇ دەپ قاراپ تۇرغان ئىكەن، ئاتتىن چۈشۈپ جانابى ئالى بىلەن كۆرۈشۈشكە كىرىپ كېتىپتۇ، ئاتلىرىنى بولسا ئاختىخانىغا ئېلىپ كىرىپتۇ، ئۇ ئاتالىق غازى بىلەن تۆت سائەتچە سۆزلىشىپ يېنىپ چىقىپتۇ. ئۇ ئىككى كىچىك ساندۇقچىغا ئۈچ مىڭ سەر دىن ئالتە مىڭ سەر نەق زىغچە ئالتۇن قاچىلاپ كەلگەن ئىكەن. كېچىدە ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى ئاتالىق غازىنىڭ ئالى نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، شاھانە مەرھەمەتكە ئىگە بولۇپتۇ. ئۇنى ئىككى كېچە توختىتىپ، خوتەنگە قايتىشقا جاۋاپ بېرىپتۇ.
جانابى ئالىنىڭ بۇ قېتىمقى بۇيرۇغى بويىچە، خوتەندە ئىشخانا قۇرۇلماقچى بولدى، چۈنكى، ئەقىل - پاراسەتلىرى بىلەن ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىغا ئارتۇقچە تەدبىر قوللىناتتى. بولۇپمۇ ئۇ زىلىچە ئۈستىلىرى ئارقىلىق يىپەك زىلىچىلەرنى تەييارلىدى. ھېچقانداق زاماندا بۇنداق زىلىچىلەر ئىشلەنمىگەن ئىدى. ئۇ جانابى ئالىنىڭ تارتۇقلىرىدىن ئاشۇرۇپ، تۆت توققۇز مېھراپلىق يىپەك زىلىچە تەييارلاپ، مەككە مۇئەززەمىگە ھەدىيە قىلدى. يەنە تۆت توققۇز مېھراپلىق يىپەك زىلىچە راسلاپ مەدىنە مۇنەۋۋەرىگە ھەدىيە قىلدى. ھەر بىر زىلىچىنىڭ ۋەزنى يۈز جىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى. يەنە بىر سىھابۇل يىپەك زىلىچە ۋە بىر توققۇز يۈڭ زىلىچە تەييارلاپ، ئەسھابۇل كەھەپكە ھەدىيە قىلدى. خوتەندىكى بارلىق بەرىكەت نۇرلۇق مازارلارنىڭ مەسچىت، خانىقالىرىنى بۇزۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇلارنى يېڭىدىن بىنا قىلدۇردى. شەھەردىكى مەسچىت جامە ۋە ھېيتگاھ مەھەللىلىرىدىكى مەسچىتلەرنى پۇختا خىش ۋە گەج - ھاك بىلەن پۇختا قىلىپ زىننەتلىدى. خوتەنگە تەئەللۇق بارلىق يول قونالغۇلىرىغا كۆل كولىتىپ ۋە قۇدۇق قازدۇرۇپ، ھەر بىر مەنزىلگە بىر توققۇزدىن گۈمبەز، ھۇجرا، مەسچىت، ئاتخانا، ئاشخانا، مېھمانخانا سالدۇرۇپ، قارايدىغان ئادەملەرنى ئولتۇرغۇزۇپ، بۇ جايلارنى ئاۋات ۋە مەمۇر قىلدى. جانابى ئالىمۇ ئۆز تەۋەسىدىكى بارلىق مەنسەپدار ۋە ئەمەلدارلاردىن نىياز بەكنى ناھايىتى چوڭ بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىززەت ۋە ھۆرمەت قىلاتتى. ۋەھالەنكى، فەرغانە ۋىلايىتىدىن مۇھەممەت ياقۇپ بەك ئاتالىق، موغۇلىستان مەملىكىتىدىن نىياز ھاكىم بەك تۇغۇلغان ئىكەن. تەدبىر ۋە مەسلىھەتتە، كەسىپ ۋە دىنىي سۈلۈكتە بىر بىرىدىن كەم ۋە ئارتۇق ئەمەس ئىكەن، خۇددى “ھەر قانداق جىنىس ئۆز جىنسىغا مايىللىق قىلىدۇ” دېگەن مەزمۇن بۇلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق ۋە ماس كېلىدۇ. ئۇلار بىر بىرىنى كۆرگەندە گۇيا ھەسەل بىلەن سېرىق ماي بىر بىرىگە ئارىلاشسا ئۆز ئەينىنى يوقاتقاندەك، بىر بىرىگە ئەبجەش بولۇپ ئارىلىشىپ كېتەتتى. لېكىن، ئۇلار يەنىلا بىر بىرىگە قەست قىلىپ، بىر بىرىنى يوقىتىشنىڭ تەدبىر ۋە پۇرسىتىنى تاپالماس ئىدى.
جانابى ئالى بەدۆلەتنىڭ يەتتە شەھەرنى پەتھى قىلىپ ئىلكىگە ئېلىشتا ۋە بۇ جاينى باشقۇرۇشتا تارتقان مېھنەت - مۇشەققەتلىرىنى يېزىشقا بۇ قەلەم ئاجىز، تىل قىسقا كېلىدۇ. لېكىن، پاراغەت ۋە ئەيىشى - ئىشرىتىنى نىياز ھاكىم بەك ۋە ئۇنىڭ بالا - چاقىلىرى كۆردى. بۇنى تەپسىرلەپ يېزىپ تۈگەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ گۇياكى جانابى ئالى بەدۆلەت فەرغانە ۋىلايىتىدىن پەقەت نىياز ھاكىم بەك ئۈچۈن كەلگەندەك ئىدى، ئۇنىڭ ئىككى جايدا پىششىق خىش بىلەن ياسالغان ئالى ئىمارىتى ۋە چوڭ باغچىسى، باغنىڭ ئىچىدە چوڭ كۆللىرى بار ئىدى. كۆلنىڭ ئەتراپلىرى ۋە باشقا سۇ كىرىدىغان ئېرىق ياقىلىرى تامامەن پۇختا خىش بىلەن ياسالغان ۋە گەج بىلەن سۇۋاپ بېزەلگەن ئىدى. ئۇ بالا - چاقىلىرى بىلەن ھەر كۈندە كۆلدىكى كېمىگە چىقىپ، سەيرۇ - تاماخا ۋە نەغمە - ناۋا بىلەن كۆڭلىنى ئېچىپ كەيپى - ساپا سۈرەتتى. بولۇپمۇ ئۇ بىر باغ قىلدۇرۇپ، بۇنى “چېچەكتلىك ئوردا” دەپ ئاتىدى. ئىككى تاغار ئۇرۇق بارىدىغان زېمىننى نەيزە بويى مىقدارى كولىتىپ، ئورنىنى پەسلىتىپ، توپاىلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئەتراپىغا پۇختا خىش بىلەن ئىگىز ئىھاتە تام سالدۇردى، مەزكۇر باغنىڭ زېمىن دائىرىسى مىقدارىدا مەشتۈت ۋە يىپەكتىن تور توقۇتۇپ، ئىچىگە ئىگىز تۈۋرۈكلەر ئولتۇرغۇزۇپ، تۈۋرۈكتىن - تۈۋرۈككە يىپەك تاناپلارنى تارتىپ، ئۈستىنى يىپەك تور بىلەن ياپتۇرۇپ، تۆت ئاياقلىق ۋە ئىككى قاناتلىق ۋەھشى ۋە ياكى قولدا بېقىلغان ھەر خىل ھايۋان - جانىۋارلاردىن بىر جۈپ قىلىپ، باغنىڭ ئىچىگە سۇلىدى. شۇنىڭدەك، بۇ باغنىڭ ئىچىگە يەنە ھەر خىل مېۋىلىك ۋە مېۋىسىز دەرەخلەر ھەم جاڭگالدا ۋە مەھەللىدە، ئۆسىدىغان ھەر خىل ئوت - گىيا، دەرەخلەر، قىزىل ياكى سېرىق گۈللەر، ھەتتا چىغ ۋە تىكەنگىچە كۆچەت قىلىپ ئولتۇرغۇزدى. جاڭگال ۋە سەھرالاردا تېپىلمايدىغان دەل - دەرەخ ۋە چۆپ - گىيالارمۇ بۇ باغنىڭ ئىچىدىن تېپىلاتتى. ھەر كۈنلۈگى نەچچە تاغار ئاشلىقنى ئۇچار قۇش جانىۋارلارغا چېچىپ بېرەتتى ۋە نەچچە ئات، ئېشەكنى ئۆلتۈرۈپ، بۆرە، يولۋاس، تۈلكە قاتارلىق يىرتقۇچ جانىۋارلارغا تاشلاپ بېرەتتى. ئۇ كۆڭلى خالىغان چاغدا بۇ باغقا چىقىپ سەيرۇ - تاماخا قىلىپ، كۆڭلىنى ئېچىپ قايتاتتى. نىياز ھاكىم بەك نېمىنى خالايىدىغان بولسا، دەل شۇنىڭ ئۆزىنى مۇددىئاسىدەك قىلالايتتى.
ئۇ خوتەننى شۇنداق باشقۇردىكى، بىرەر ئادەم نىياز ھاكىم بەك توغرىسىدا گەپ قىلىشقا جۈرئەت مادارى يوق ئىدى. خوتەننىڭ يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان بارلىق ئادەملىرى نىياز ھاكىم بەك ۋە پادىشاھلىق خىزمىتىدىن زادىلا بىكار بولۇپ ئارام ئالالمايتتى، زۇلۇم - جەۋرىنى شۇ قەدەر قىلدىكى، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جەۋرى - زۇلۇم بولمايتتى. ئەگەر بۇلارنى بىرمۇ - بىرىلەپ بايان قىلساق، سۆزىمىز ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىپ، كۆڭۈل قېرىلغىدىن باشقا نەرسە ھاسىل بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ تەدبىر ۋە سۈپەتلىرى شۇ قەدەر ئارتۇق ئىدىكى، ئاقىللارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، ھۆكۈمالارنىڭ پىكىر ۋە تەپەككۈرىدىنمۇ ئارتۇق ھەم تاشقىرى ئىدى. ھەر قانچە يىراقنى كۆرەلەيدىغان زامان بىلىملەرمۇ تەپەككۈر بېشىنى خىيال تىزىغا قويۇپ، پىكىر دەرياسىغا چۆمۈپ، سەكرەپ چىقىپ جەۋلان قىلسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ مۇرات ساھىلى ۋە مەقسەت قىرغىغىغا يېتەلمەيتتى ۋە ئۇنىڭ نەزەرلىرىگە جىلۋە قىلىپ تەڭ كېلەلمەيتتى. ئەگەر ئۇنىڭ تەدبىرىنى يازماقچى بولغان قەلەممۇ دۆۋەت دەرياسىغا چۆككىنىچە بېشىنى ئۈستۈن تارتىپ ئالالماس ئىدى. دېمەك مۇشۇنداق ئەقىل - پاراسەت ۋە زېھنى زېرەكلىك خىسلەتلىرىنىڭ ھەممىسىلا نىياز بەكنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، يەنە بۇلارنىڭ شۇلىسىدىن پەيدا بولغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن بىر نەمۇنە ۋە نىشانە ياكى بىر زەررىچە ئەسەر ئىدى. دېمەك، يەنە بىر تەرەپتىن جانابى ئاتالىق غازىنىڭ كاتتا ۋە زورلۇغىنى يەنە بۇنىڭدىنمۇ قىياس قىلىپ بىلەرسىزلەر. ھالبۇكى، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، نىياز ھاكىم بەكنىڭ تەدبىرى جانابى ئالىنىڭ تەدبىرلىرىدىن غالىپ كېلىپ، ئاقىۋەت جانابى بەدۆلەتنى قەھرى ھالاكەت بىلەن مەغلۇپ قىلدى. لېكىن، ئالى مۇقاملىق جانابى ئاتالىقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىلتىپات ئىشەنچىلىرى ناھايىتى يۇقۇرى بولسىمۇ، ئەمما نىياز ھاكىم بەكنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھىيلە - مىكىر ۋە خىيانەتلىرى يۈز ھەسسە ئارتۇق ئىدى.
بىر چاغدا نىياز ھاكىم بەك ئۆزىنىڭ بىر تاغىسىنى لەنجۇ سېپىڭغا بېرىپ، ئۇ جايدىكى خىتاي مەنسەپدارلىرىدىن ئامان - ئېسەنلىك سوراپ، بەلكى ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ يول باشلاپ كېلىش ئۈچۈن، لوپ ئىچىدىكى بىر جەزىرىدىكى يول بىلەن ئەۋەتكەن ئىكەن. بۇ نەچچە ئاي ۋە بىر قانچە مۇددەت چۆل - جەزىرىلەردە مۇشەققەت تارتىپ يولسىز بېرىپ، ئۇلاردىن خەت - خەۋەر ئېلىپ كەپتۇ. خەتنى كۆرۈپ، دېگەنلىرىنى ئاڭلىغاندىن سوراپ، ئەھۋالنى ئوبدان پەملەپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيىنىڭ ئىچىگە قۇدۇق كولىتىپ، ئاغزىنى ئەخلەت بىلەن ياپتۇرۇپ، ئۈستىگە كىگىز بېساتلارنى تاشلاپ، بىلدۈرمەستىن مەزكۇر تاغىسىنى شۇ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، قۇدۇق تەرەپكە تەكلىپ قىلىپتۇ. تاغىسى بۇنى ئوقماي قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ - دە، نىياز ھاكىم بەك رەھىمسىزلىك بىلەن توپا - تۇپراق، قۇملارنى ئالدۇرۇپ، قۇدۇققا توشقۇزۇپ كۆمدۈرۈۋېتىپتۇ. بىر مەھرەم بۇنى كۆرۈپ سۈرەت - ۋەقەنى جانابى بەدۆلەتكە مەلۇم قىلىپتۇ. ئۇ مەلۇماتنى ئوبىدان كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، نىياز ھاكىم بەككە ئىنايەتنامە چۈشۈرۈپ “پالانى مەھرەم سىزدىن شىكايەت قىلىپ ئەرز بەرگەن ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا ئەسلا ئىشەنمىدىم، مەزكۇر مەھرەمنىڭ جازاسىنى بەرگەيسىز” دەپتۇ. ئىنايەتنامە تەگكەن ھامان نىياز ھاكىم بەك مەھرەمنى يوق قىلىپتۇ.
شۇنىڭدەك، جانابى ئالى ئاتالىق باقى ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن، نىياز ھاكىم بەك خوتەنگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەن - ۋۇجۇدىدا مەخپى ساقلاپ كەلگەن ئاداۋىتىنى ئاشكارا قىلىپ، دۈشمەنلىك ۋە قارشىلىق نەغمىسىنى ئالاھىدە چالدى. بەك بەچچە خوتەنگە بارغاندا، ئوتتۇز مىڭ ئادەمگە ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن بەك ۋە ئۆز ئوغلىنى باش قىلىپ جەڭگە چىقاردى. زاۋا دېگەن شەھەردە قاتتىق جەڭ - جېدەللەر يۈز بېرىپ، ناھەق قانلارنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەپ بولدى. خوتەن لەشكەرلىرى باراۋەرلىك قىلالماي قاچتى، نىياز بەك ھەممە ئەسكەرلىرىنى توقلاپ، توپ، زەمبىرەكلىرىنى تەييارلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىغىنى ئاڭلاپ، توپ، زەمبىرەكلىرىگە ئوت قويۇپ، خوتەن خەلقىنى ۋە ئەسكەرلىرىنى قىرغىنچى قەستلىدى. خىزمەتچى ۋە باشقا مۇھىم دۆلەتخۋاللىرى بۇ قەبىھ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ يىغلاپ تۇرغاندا، بۇ نالايىق پەيىلىدىن توختاپ “مەيلى ئەسكەر ياكى پۇقرا بولسۇن، ئوردا ئىچى ۋە غەزىنى”لەرنى بۇلاپ - تالاپ ئالسۇن” دەپ تالان - تاراج قىلىشقا بۇيرۇق بېرىپ، خاس ئىشەنچلىك ئادەملىرى بىلەن نەخىدانلارغا نەق پۇللارنى قاچىلاپ، كېرىيە يولى بىلەن خىتايغا قاراپ ۋە خىتايدىن ياخشىلىق ئۈمىت كۈتۈپ، كورلىنى كۆزلەپ راۋان بولدى. ئۇ بۇرۇنلا بۇ جايدىكى ھەر بىر مەنزىلگە ئاتلارنى تەييارلاپ باقتۇرۇپ تۇرغان ئىكەن، ئۇ ئەمدى ھەر بىر مەنزىلگە يەتكەندە بۇ دەملەنگەن ئاتلارنى ئالماشتۇرۇپ مىنىپ داۋاملىق يولغا چىقتى، لېكىن، بۇرۇن مىنىپ بارغان ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ ئىشتىن چىقاردى. شۇنداق قىلىپ، ئون ئالتە كۈنلۈك يولنى تۆت كۈندە بېسىپ تۈگەتتى. ئۇ قاچقان يوللىرىدا ئۇچرىغانلا ئەنجانلىق يىگىت ياكى سودىگەر قاتارلىق مۇساپىر نامىدا ياشىغانلارنىڭ ھەممىسىنىلا يوق قىلدى. قاراۋۇلدا تۇرغان تاش بەچچە دېگەن ئادەم باشلىق ئوتتۇزچە مۇساپىر يىگىت بار ئىدى. ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئويدۇردى، ئاندىن ھەممىسىنى يوق قىلدى ئەبۇلقاسىم پانسەتلەر سەكسىز يۈز يىگىت بىلەن قوغلاپ بارغان ئىدى لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئاتلىرى چارچاپ قۇملۇقتا توختاپ قالدى، پەقەت تۆت يۈزچە يىگىت نىيە دېگەن شەھەردە ئۇلارغا يەتتى. ئارىدا جەڭ - قاتال باشلاندى. ئىككى تەرەپتىن ئىككى يۈزگە يېقىن ئادەم زىيان بولدى. يىگىتلەر ئازلىق قىلىپ ئۇنى تۇتالمىدى. بۇ ۋەقە يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ئىدى.
نىياز بەك ئەنە شۇنداق نىيەت بىلەن كورلىغا چىقىپ، خىتايلارغا قوشۇلدى. بۇ چاغدا خوتەندىكى قازى كالان موللا ئوسمان قاتارلىق ئىسلامى شەرىئەتپانا ئۆلىمالىرى دىنىي ئۆلىما ۋە شەرىئەت ئالىملىرىنىڭ ھۆكۈمى بويىچە پەتىۋا چىقىرىپ، ئاسى نىياز بەكنى مۇناپىق ۋە كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلدى - ئەئۇزۇبىللا، مۇنداق نىيەتتىن خۇداغا پاناھ تىلەيمىز!
بۇ كۈنلەردە خىتايلارنىڭ ئۇلۇغى لوشەي دارىن بايدا، زۇڭتۇڭ دارىن (207) ئاقسۇدا ئىدى. نىياز بەك ئېلىپ بارغان ئالتۇن، كۈمۈشلەرنى خىتايلارغا بەردى. لوشەي دارىن بىلەن زۇڭتۇڭ دارىنغا نىياز بەكنىڭ كەلگەنلىگى خەۋەر قىلىندى. “كەلسۇن” دېگەن يارلىق بويىچە، بۇ مۇناپىق نىياز بەك كېلىپ لوشەي دارىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاندىن قاشغەرگە باردى. بۇ چاغدا لوشەي دارىن ئاقسۇدا، زۇڭتۇڭ دارىن قاشغەردە، دۇڭ دارىن (208) ياركەنتتە ئىدى. كۆرۈشۈپ ئارام ئالغاندىن كېيىن، بۇ مەنسەپدارلارغا ئەھۋالنى سۆزلەپ “خوتەنگە ئون ئىككى يىل ھاكىم بولدۇم. خوتەن ئەھلىنىڭ ئۇلۇغ خانغا بېرىدىغان ئون ئىككى يىللىق مەھسۇلاتىنى ئېلىپ، مەخپى ساقلاپ قويغان ئىدىم. ئەگەر يارلىق بولسا، مەخپى ساقلاپ ئۇلۇغ خانغا بەرمەكچى بولغان غەزىنە ھەقلىرىنى ئېچىپ چېرىكلەرگە تاپشۇرسام، بۇرۇنقى پادىشاغا بولسا بۇنىڭ ئارتۇق قىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ئالداپ تۇرغان ئىدىم” دېگەندە، زۇڭتۇڭ دارىن “سەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نېمە ئىش قىلغان كىشى؟” دەپ سوراپتۇ. ئۇ “مەن ياركەنتتە ئونىنچى جەرەكەلىك ئىشىك ئاغا ئىدىم” دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. ئاندىن زۇڭتۇڭ دارىن “سېنىڭ كۆڭلۈڭ يامان ئىكەن. ئىشىنىپ چوڭ ئادەم قىلىپ بىر چوڭ شەھەرگە ھاكىم قىلسا، ئۆز بەرگەن ئۇلۇغۇڭغا خىيانەت قىلىپسەن. ئانچە ئوبدان ئادەم ئەمەس ئىكەنسەن، دەپ پىسەڭ قىلماپتۇ. ئاخىرى مەنسەپدارلارنى خوتەنگە ئاپىرىپ، مەخپى ساقلىغان غەزىنەلەرنى بىرمۇ - بىرىلەپ ئېچىپ، چېرىكلەر ھەققى دەپ ئالدىغا قويدى.
ئەسلىدە خوتەن شەھىرىدىكى ئوردا بېغىنىڭ بىر تەرىپى پەس، يەنە بىر تەرىپى ئىگىز زېمىن ئىدى، نىياز بەك بۇ جايدا شېھىتلەر بار ئىكەن دەپ، ئەتراپىغا ئىگىز تاملارنى سالدۇرۇپ، ئىچىگە قارىخانا، ئىتىكاپخانا، مېھمانخانا، ئاشخانا، ئاتخانا، مەسچىت زىيارەتگاھلارنى بىنا قىلدۇرۇپ، يەنە ئىككى قەۋرە ياساتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىگە بىر مىڭ بەش يۈزدىن يامبۇ ۋە نەچچە چارەك زىغچە ساپ ئالتۇن كۆمگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كاتتا توغ شادا ۋە ئەلەم، بايراقلارنى ئورنىتىپ، بىر كاتتا ئالى مازار زىيارەتگاھىنى پەيدا قىلغان ئىدى. يەر - زېمىن، دۇكانلارنى ئېلىپ مەزكۇر مازارغا ۋەخپە قىلىپ، ھوسۇلىنى قارىلارغا ۋە ئىتىكاپچى دۇئا گويىلارغا بېرەتتى. ھەر دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى كالا ۋە نەچچە قويىنى سويىدۇرۇپ، كۆڭرى نەزىر قىلىپ، غېرىپ - بىچارىلەرگە بېرىپ، دۇئاسىنى ئالاتتى. ھىندىستان، تۈركىستان ياكى فەرغانە ۋىلايىتى، بەدەخشانلاردىن كەلگەن ھەزرەت، ئەپەندى، ئىشانلارنى مەزكۇر مازاردا بىر ھەپتە، ئەقەللى ئۈچ كۈن دۇئا ئىتىكاپىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ “بۇ مازارى شېرىپنىڭ پەيزى سىرلىرى قانداغراق ئىكەن. بىرەر كەشپى كارامەتلەر بولدىمۇ - قانداق؟” دەپ سورايىدىكەن. دۇئاگوئى تاماخورلار بولسا “ناھايىتى ئۇلۇغ مازارى شېرىپ ئىكەن، بىزگە ھېچقانداق بىر مازارى شېرىپتە بۇنچىلىك پەيزى بولمىغان ئىدى. پەيزى كارامەتنى بۇ مازارى شېرىپتىن كۆردۇق” دېگەندە، ئۇ تەبەسسۈم قىلىپ “بۇ مازارى شېرىپ ئىلگىرى مەخپى ئىكەن، پەقەت جانابى ئالىنىڭ دۆلەت كۈچىدىلا ئاندىن ئاشكارا بولدى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاجىتى راۋا بولۇپ، مۇرات - مەقسەتلىرىگە يەتتى” دەيدىكەن. مەزكۇر جايغا كۆمۈلگەن ئالتۇن، كۈمۈشلەرنى كۆتۈرۈپ بارغان ياكى يەرنى كولاپ كۆمگەن مەھرەم ۋە ياكى يىگىت، مەھرەملەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي، غەزەپ قىلغان جايغا بىللە دەپنە قىلىدىكەن ياكى بۇ سىردىن ئازراقلا خەۋەردار بولغان ئادەملەرنىمۇ ھەر خىل يوللار بىلەن بىللە يوق قىلىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ غەزىنىنىڭ بارلىغىنى ھېچكىممۇ بىلمىگەن ئىدى. ئاخىرى ئۇ خىتايلارنى خوتەنگە باشلاپ بېرىپ، مەزكۇر مازارنىڭ توغ، ئەلەم ۋە بايراقلرىنى تامامەن يۇلۇپ تاشلاپ قەۋرىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى ئالتۇن، كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، چېرىكلەرنىڭ ھەققى دەپ تاپشۇردى. ئەسلىدە بولسا بۇ ئالتۇن، كۈمۈشلەرنى مەخپى ساقلاپ، ئۇنى مازارى شېرىپ دەپ، ھەزرەت، ئىشان، دۇئاگوئىلارنى ھاماقەت قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئالداپ يۈرگەن ئىكەن. نەزم:
ئىنسان ئەگەر ئاچسا تەلەبسىغە① ئېغىز،
بىچارە بولۇر ئىبلىس لەئىن بى مىز②،
دېگەن تەمسىل بۇ بەكنىڭ ئەھۋالىغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ.
ئۇ يەنە بىر باغدا يەنە بىر مىڭ يامبۇنى مەخپى كۆمۈپ، ئۈستىگە ئانار، ئۈزۈم، شاپتۇل قاتارلىق كۆچەتلەرنى تىكىپ باغ قىلغان ئىكەن. ئەمدى بۇ دەرەخلەرنى يۇلۇپ تاشلاپ، يامبۇلارنى ئېچىپ خىتايلارغا تاپشۇردى. يەنە باغنىڭ ئىچىدىكى كۆلنىڭ تېگىگە كۆمگەن ۋە بېجىن ئەھلى كۆرسە ناھايىتى مەمنۇن بولىدىغان ئەسىل قاش تاشلارنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى. يەنە يەتتە يۈز يامبۇ ۋە بىرمۇنچە ئالتۇننى ئېلىپ، چېرىكلەر ھەققى دەپ تاپشۇردى. ئۇ ئەنە شۇنداق قىلىپ، تولا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە پاكىز قاش تاشلىرىنى مەخپى ساقلىغان ئىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېچىپ، مەنسەپدارلارنىڭ ئالدىغا قويدى، ھەممە چوڭ - كىچىك خىتايلار بۇنى كۆرۈپ تەھسىن - ئاپىرىنلارنى قىلىپ، بۇنداق ئەقىدە - ئىخلاسى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ياركەنت ھاكىملىغىنى بەردى.
لېكىن، نىياز بەك ئۆز كۆڭلىدە مەنسەپدارلار ناھايىتى چوڭ جۈلدۈ - جاساق يەنى مىراسى مەنسەپ بېرىدۇ دېگەننى كۆزدە تۇتقان ئىدى، ياركەنت ھاكىملىغىنى بولسا نەزەرگە ئالمىدى ۋە “مەن ئەقىدە قىلىپ، ئارزۇ - تەلەپ قىلغان خىتايلار بۇ خىتايلار ئەمەس ئىكەن” دەپ كۆڭلىنى بۇزۇپ، يەنە بۇرۇنقى ئادىتىنى يېڭىلاپ، بۇ خىتايلارغىمۇ نىيىتىنى بۇزدى. ياركەنتتە مەخپى ئىشخانا پەيدا قىلىپ، قورال - ياراق تەييارلاشقا باشلىدى. شەھەر، سەھرالاردىكى بۇرۇنقى ئۆزكور ئادەملەرنى بىرمۇ - بىرىلەپ مەخپى چاقىرىپ، ۋەدە ھەم ئايەتلەر بىلەن خوش قىلدى. قاتتىق قەسەم - ئانت ۋە شەرتلەر قىلىپ ئۆزىگە تارتتى. ئۇلارنى ئۈمىتۋار قىلىپ ۋاقىت ۋە پۇرسەتنى تەيىنلىدى. لېكىن ھەدىس شېرىپتە “ھەر قانداق ئادەم كىمگە ئورا كولىسا، دەل شۇنىڭغا ئۆزى چۈشىدۇ” دېگەن بويىچە ئىش ئۆزىگە ياندى. چۈنكى، بىر قونداقچى ئۇستىنىڭ نىياز بەكتىن كۆڭلى ئاغرىغان ئىدى. دۇڭ دارىنغا بۇ ۋەقەنى بايان قىلدى. دۇڭ دارىن مەخپى كىشى ئەۋەتىپ، ئەھۋالنىڭ راستلىغىغا ئىشىنىپ، بىر خان ئوقى بىلەن يىگىرمە چېرىك ئەۋەتتى. ئۇلار نىياز بەك ئولتۇرغان ئۆيىگە ئوقنى قاداپ قويدى. ئۇنىڭ ئۆز ئۆيى ئۆزىگە خۇددى زىندانغا ئوخشاش ھەپىسخانا بولدى. ياركەنتنى كۇچارلىق قادىر ئىشىك ئاغىغا بەردى، بۇ ئارىدا يىگىرمە كۈن ئۆتتى. قاشغەردىن بىر ئامبان بىر لەشكەر چېرىكلىرى بىلەن كېلىپ، نىياز بەكنى قورۇق ھارۋىغا سېلىپ، مەككە بېكىتىپ، كۈندۈزى يالاپ بازار ئايلاندۇرۇپ، خار ۋە بىئىتىۋار قىلىپ، قاشغەرگە ئېلىپ ماڭدى، نىياز بەكنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى مۇسۇلمانلارغا، بەلكى ئىسلام شېرىپقا ئاداۋەت بىلەن تولغان ئىكەن. بىر نازىم مەرھۇم خۇددى بۇنى بىلىپ كارامەت قىلغاندەك، ئۇنىڭ زالىم ۋۇجۇدى بۇ دۇنيا نۇرانىغا كېلىشىدىن بۇرۇنلا، ئۇنىڭغا لايىق كېلىدىغان مۇنداق بىر شېئىرنى ئېيتقان ئىكەن، نەزم:
گەر قارا توقۇلسا ئەزەلدە كىشىنىڭ گىلىمى،
ئابى زەمزەم① بىرلى ئاقارماس ھەرنەچە يۇيغان بىلە.
گەپنىڭ ھاسىلی شۇكى، نىياز بەكنىڭ ئالدى بىلەن كۇچارلىق خوجاملارنىڭ دۆلەت چىراغلىرىنىڭ خىرە بولۇپ ئۆچۈشىگە سەۋەپ بولدى. ئاندىن جانابى ئاتالىق بەدۆلەتنىڭ ئەمىرى پەرمانى بىلەن خوتەندەك ئالتە ھاكىملىق كاتتا يۇرتتا ئون يەتتە يۈز دىۋان، قىرىق كۈنلۈك مۇساپە ئارىلىغىدىكى كەڭ زېمىنغا مۇستەقىل ھاكىم بولۇپ، ئۆ ھۆكۈمىنى ئۆزى خالىغانچە ۋە ئۆز مەقسەتلىرىدەك بېجىرىشكە ئىگە بولدى. لېكىن ئۇ شۇنداق دۆلەت ۋە مەنسەپكىمۇ قاناەت قىلماي، مۇسۇلمانچىلىقتا ئۆتكەن ئۆمىرىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى بىلمەي، شۈكرانە نېمەت ئورنىغا كۇفۇرانە نېمەتنى ئالماشتۇرۇپ، خىتايلار ۋە دىنسىزلاردىن مەنسەپ تاما تۇتۇپ، ۋاپا ئۈمىت قىلىپ، مۇناپىق ۋە كاپىر بولغانلىغى بولسا، ئۇنىڭ كامالى ھاماقەت ۋە بىدۆلەتلىك نىشانىسىنىڭ ئاشكارا بولغانلىغى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نەزم:
نېئمەتنىڭ ئارتار شۈكرانە نېئمەت ئەيلەسەڭ،
قۇللاردىن پات كېتەر كۇفۇرانە نېئمەت ئەيلەسەڭ.
شۇنىسى ئاجايىپكى، ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلەتكە ئىگە بولۇشىغا سەۋەپ بولغان ئۇلۇغ نېمەت ئىگىسىگە خىيانەت قىلدى، بەلكى ئۇنىڭ يوق بولۇشىغا كۈچلۈك سەۋەپچى بولدى. كىچىك بەكنى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، ئۇنى چوڭ بەكنىڭ ناھەق قانلىق ئوقىغا نىشان قىلدى. بۇ ۋەقە يۇقۇرىدا سۆزلەندی.
نىياز بەك جانابى ئالىغا بەرگەن زەھەرنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىنىڭ كۆزىدە ساقلىغان ئىكەن. ئۇ خىتايلارنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، زەھەرنى ئۆزىنىڭ كۆزىدىن ئېلىپ ئاغزىغا سالدى، يورۇق جاھان ئۇنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ، بۇ جاھان بىلەن خوشلاشتى. بۇنداق قەبىھ ئەتۋار ۋە مىجەز - خۇلقنىڭ جازا مۇكاپىتىنى دەل مۇشۇ ئالەمنىڭ ئۆزىدىلا ئوچۇق كۆردى. مەنسەپدارلار ئۇنىڭ جەسىدىنى ئۆلگەن جايدىن يۆتكىمەي ۋە ناماز، خەيرى - سەدىقىلەرنىمۇ قىلدۇرماي، قىرىق كۈن توختىتىپ، ئاندىن ھاراق - شاراپلار بىلەن يۇيغۇزۇپ، سېسىتىپ، نىجىس جەسەت قىلىپ، چېرىكلەردىن كېيىن دەپنە قىلىشقا جاۋاپ بەردى. نەزم:
يامان قىلماق يامان پەيدا قىلۇر، ياخشى ئىش ياخشى،
ئارپادىن ئۈنەر ئارپا، كى بۇغدايدىن ئۈنەر بۇغداي.
ئەلقىسسە، ئاڭلىماق كېرەككى، مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇل ياركەنتتە ئون ئىككى يىلدىن كۆپرەك مۇستەقىل ھاكىم بولدى. ئۇنىڭ دۆلەت - ئابرويلىرى نىياز ھاكىم بەكنىڭ دۆلەت ئابرويلىرىدىن ئارتۇق ئىدى. لېكىن ئۇ موللا، مىرزا، خەتتات ۋە ئالىم، شائىر كىشى ئىدى. يۇرتدارچىلىق، غەللە - پاراق ئېلىش ئىشلىرىدا بولسا شەرىئەت شېرىپىگە قىلچىمۇ مۇخالىپ ئىشلارنى قىلمايتتى. ھەر قانداق ئەھۋالدىمۇ شەرىئەتنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى قاتتىق ئېھتىيات بىلەن ساقلايتتى ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلاتتى. ئۆز ۋاقتىدا ھېچبىر كىشىگە زۇلۇم تەئەدى قىلىشنى راۋا كۆرمىگەن ئىدى. لېكىن خاقانى ئەھلى قەدەم قويغان چاغدا، قورقۇنچىدىن نۇرغۇن ئەمىرايىلار، يىگىت، سەربازلىرى بىلەن بىللە سېرىق قول تەرەپكە قاچتى. لېكىن داۋانلارغا قار چۈشۈپ، سوغاق قاتتىق بولۇپ ئۆتەلمەي، ياركەنتكە يېنىپ كەلدى - دە، مەنسەپدارلارغا ئۇچراپ قالدى. مەنسەپدارلار بۇلارنىڭ بىر قانچىسىنى شاھادەتلىككە يەتكۈزدى. بەزىلىرىنى نەزەربەنت قىلدى. خۇسۇسەن مەنسەپدارلار شاغاۋۇل دادخۋاغا قاراپ، ئىززەت - ئىكرام بىلەن “سىز ناھايىتى ئوبدان ئادەم ئىكەنسىز، مەن ئاڭلاپ بىلدىم، لېكىن سىزنىڭ ئەيىبىڭىز بولسا، يېرىن يەنى بۆلەك ۋىلايەتنىڭ ئادىمى بولغانلىغىڭىزدا، تۆرۈمەن دېسىڭىز مائاش - ۋەزىپە بېرىپ بەلگىلەپ بېرەيمەن، مۇبادا كېتىمەن دېسىڭىز ئادەم قوشۇپ، يول خىراجىتى بېرىپ يولغا سالىمەن” دەپ ئىلتىپات قىلغاندا، ئۇ “يۇرتۇمغا چىقىپ كەتسەم” دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. زۇڭتۇڭ دارىن ئاشكارا دۈشمەنلىگى بىلەن، بەش يۈز سەر كۈمۈش ۋە ئات بېرىپ ئادەم قوشۇپ، فەرغانە ۋىلايىتىگە قايتۇردى. ئۇ خەلققە قىلغان ياخشىلىغىنىڭ نەتىجىسىنى بۇ ئالەمدە ئۆز كۆزى بىلەن ئوچۇق كۆردى. نەزم:
جاھاندا ياخشىلىق قىلغان كىشىنىڭ ئاتى ئۆچمەيدۇ،
يامانلىق قىلغان ئادەمنى قايان كەتتى دېمەس ھېچكىم.
بۇ سۆزلەرنى تەپسىلى ۋە ئۆزۈن بايان قىلىشتىكى تەلەپ ۋە مۇددىئا شۇكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاكىمى ۋىلايەت، مەملىكەت ئەمەلدارلىرى دىيانەتلىك مەنسەپدارلارنىڭ يۇنۇسجان شاغاۋۇل بىلەن نىياز ھاكىم بەكنىڭ ۋەقەلىرىدىن ئىبرەت ئالسۇن دېگەنلىكتىن ئىبارەت. چۈنكى، مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇل دادخۋا بىلەن نىياز ھاكىم بەك ھەر ئىككىسىلا بىر پادىشانىڭ ھۆكۈم ئىلىكىدىكى ئادەملەر بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا بىر زاماندا ئىككى كاتتا شەھەرگە ئوخشاشلا مۇستەقىل ھاكىم بولغان ئىدى، سائادەتلىك يارلىق ۋە پەرمانلار بولسا ھەر ئىككىسىگىلا تەڭ ۋە باراۋەر چۈشەتتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىش ئەھۋاللىرى ۋە ئاقىۋەت ھاللىرىغا چۇڭقۇر نەزەر بىلەن قاراپ، تاماخا ۋە ياخشى سەيىر قىلىش كېرەككى، ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى دۈشمىنى سەمىمىي دوست بولۇپ، ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەر قىلىپ، ئۇنىڭ خاھىش ۋە مۇراتىنى ئۆز خاھىشى ۋە مەقسەتلىرىدەك ئادا قىلىپ، ھال - جانلىرىغا ئامانلىق بېرىپ، ھەتتا نەق پۇللارنىمۇ ئاتا قىلىپ، ئۆز ئۆلۈش ۋە خىش ئەقرىبالىرىغا ئۇلاندۇرۇپ قوشتى. يەنە بىرىسىگە بولسا ئۆزىنىڭ جان دوستى، ھەتتا ئىككى ئالەملىك قېرىندىشى ئۇنىڭ جان دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۆز ھىمايىسىگە ئالماي، ئىززەت ۋە ئېتىۋاردىن ئايرىپ، خارلىق ۋە بىچارىلىك دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ، پۇل ۋە ماللىرىنى ئېلىپ، مەقسەت ۋە ئارزۇلىرىدىن بىبەھرە ۋە نائۈمىت قىلىپ، ئەل - ئولۇسى، قەۋمى قېرىنداشلىرى، بالا - پەرەزەنتلىرى، ئەقرىبائى دوستلىرى ۋە ئاداشلىرىدىن جۇدا قىلىپ، پۇل ۋە ماللىرى، بەلكى شېرىن جانلىرىغىمۇ ئامانلىق بەرمەي، زېمىن قەھرىگە تاپشۇردى. دېمەك، پۇقرا - خالايىقنىڭ مول مېھنىتى ۋە تىنچ - پاراۋانلىغىنى كۆزلەپ، ئادالەت ۋە ئىنساب يولىنى ئۆزىگە لازىم تۇتقانلار، ئۇنىڭ نەتىجە ۋە ئەسىراتىنى بۇ مۇكاپاتى ئالەمدە ئوچۇق - ئاشكارا كۆرەلەيدۇ.
پۇقرا - خالايىقنىڭ پۇل ۋە ماللىرىنى سەل چاغلاپ، زۇلۇم تەئەددى قىلىپ، خالايىقنىڭ كۆز ياشلىرىدىن ئۆزىنى تارتىپ، ئېھتىيات قىلمىغانلارمۇ، ئۇنىڭ نەتىجە ۋە ئەسىراتىنى بۇ رەھىمسىز ئالەمدىن كۆرەلەيدۇ. لېكىن، ياخشىلىق قىلغانلار بولسا قىيامەت كۈنىدە خۇددى ئايەت كېرىمدە كۆرسىتىلگەندەك نەئىم ئاتلىق جەننەتنى فىر دەۋسىنى جان - ماكان قىلىشى ھەقىقەتتۇر. مۇبادا يامان خۇلقى - مىجەزنى ئۆزىگە لازىم تۇتقانلار بولسا، ئۇلارمۇ خۇددى ئايەت كېرىمدە كۆرسىتىلگەندەك جەھەننەم ئاتلىق دوزاقتا سىقىم ۋە ئازابۇ - ئەلەملەرگە مۇپتىلا بولۇپ، ئەبەدىل - ئەبەد بۇ جايدا قېلىشىمۇ ھەقىقەتتۇر.
17
ئۇ زۇھەلدەك① يۈكسەك دەرىجىلىك جانابى بەدۆلەتنىڭ زامانە - ئەسىردىكى مۇشتەرى② تەلئەتلىك ۋە سالاھىيەتلىك ئۆلىمالار، ئەتارىد③ تەربىيىلىك مۇنشى - مىرزىلار، بەھرام④ سەلتىنەتلىك قانخۇمار ئەسكەرلەر بايانى
زامان دانالىرى ۋە گۈزەل سۆزلۈك مەۋزۇن ساز تەبىئەتلىك
① تەلەبىس - ھېلە - مىكىر.
② لەئىن بى تەمىز - لەنەتلىك.
① زۇھەل - ساتۇرن.
② مۇشتەرى - يۇپىتېر.
③ ئەتارىد - مېركۇرى.
④ بەھرام - ئىران ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمان.
دەۋران فازىللىرىنىڭ زېھىنلىرىدىن مەخپى قالمىغايكى، بۇ يەتتە شەھەر تەۋەسىدىكى ئالى دەرىجىلىك مازارى ماشايىخلار روھىنىڭ ئۇلۇغ مەدەتلىرى ۋە پەزىلەتلىك دۇئايى دەۋەت ئىگىلىرىنىڭ دۇئايى خەيرات ئاسارەتلىرىنىڭ ئىجابىتى شاراپەت بەرىكىتىدىن، جانابى ئالى بەدۆلەت بۇ يەتتە شەھەر ئاھالىسىگە ئون تۆت يىل ھۆكۈمران بولدى. ئەگەر ئەۋاھى ھەزرەتلەرنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە ئەھلى قۇتۇپ، چىلتەنلەرنىڭ مەدەت - ياردەملىرى بولمىسا، ئۇنىڭ بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەتكە مۇيەسسەر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
«نەفھاتۇلئۇنىس» (209) دېگەن كىتابتا زىكىر قىلىنىشىچە، ئاسماندىن يامغۇر يېغىشى ۋە زېمىن ئۈستىدىكى گىيا - ناباتاتلارنىڭ كۆكىرىشى بولسا، ئەۋلىيائى ئەززەملەرنىڭ قەدەم شېرىپلىرىنىڭ بەرىكىتىدىن بولغان، مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلار ئۈستىدىن غالىپ بولۇشىمۇ، ئۇ ئەۋلىيائى كىبرەملەرنىڭ ھىممەت ۋە نۇسرەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. بۇ زاتلارنىڭ سانى تۆت مىڭ، ئالەمنىڭ ئىگىسى ئەنە شۇلاردۇر. بۇلار بىر - بىرىنى تونۇمايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇغىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇلار ھەر قانداق چاغدا خالايىقتىن مەخپى يۈرىدۇ. ئەقىدە مەسلىكلىرىنى يەشكۈچى زاتلار ۋە دەرگاھى ھەقنىڭ ئۇلۇغلىرى بولسا ئۈچ يۈزدۇر. بۇلارنى “ئەخييار” دەپ ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قىرىق تېنىنى “ئەبدال” دەپ ئاتايدۇ ۋە يەتتە تېنىنى “ئەبرار” دەپ ئاتايدۇ. تۆت تېنىنى بولسا “ئەۋتاد” دەيدۇ. ئۈچ تېنىنى “نۇقۇبا” دەيدۇ. بىرىنى بولسا “قۇتۇپ” ۋە “غەۋس” دەپ ئاتايدۇ. بۇلار بولسا بىر - بىرىنى تونۇيدۇ. ھەر بىر ئىشتا ئۇلار بىر - بىرىنىڭ رۇخسەت - ئىجازەتلىرىگە مۇھتاج بولىدۇ دەپ بايان قىلىنغان.
بۇ مۇقەددىمىنى يېزىشتىكى تەلەپ ۋە مۇددىئا بولسا جانابى ئاتالىق غازى دەۋرىدىكى ئۆلىمالارنى ۋە ئۇلارنىڭ خىسلەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. جانابى ئاتالىق غازىنىڭ دەۋرى ۋە زامانلىرىدا ئۇلارغا ئوخشاش سەيىت كۇبرايى كىبرەملەر، ئۆلىمائى ئىزام ۋە پەزىلەتلىك ئالى مۇقاملار كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ نۇسرەت نەمۇنىلىق قوشۇنلىرى سەكسەن مىڭدىن ئارتۇق ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ غەلىبە ئەسراتلىق قوشۇنلىرىنىڭ ئىچىدە پەزىلەتلىك بىرنەچچە دىندار كىشى بار ئىدى. ئۇ زاماننىڭ ماشايىخ ۋە ھەزرەتلرى ئۇلارنىڭ ئىبادەت ۋە رىيازەتلىرىنىڭ ئونىدىن بىرىنىمۇ بەربا ۋە ئادا قىلالمايتتى. ئەھما ئۇلار بىپاك يامان ئادەتلەردىنمۇ خالى ئەمەس ئىدى. دېمەك، سالاھىيەتلىك ئۆلىمائى ئەززەملەر دائىرىسى ۋە غەلىبە ئەسراتلىق ئەسكەرلەر ياكى پۇقرا - خالايىقنىڭ ئىچىدىكى ئەخييارى كىبرەملەر ۋە ئەبرارى ئەززەم ئالى مۇقاملار بۇنداق ئىشلاردىن خالى ئەمەس بولسا كېرەك. چۈنكى ئۇ زاتلار مەخپى ۋە مەستۇرە ئىدى. ئەڭ دەسلىپىكى ھايات ئىگىسى بولغان ئاللا تائالا بۇ دەرىجە ۋە مۇقاملارغا ھەر كىمنى خالىسا يەتكۈزىدۇ، بۇ ئۇلۇغ دۆلەتنى كىمنىڭ يۈزىگە ئېچىشنى خالىسا شۇنىڭغا ئاشكارا قىلىدۇ. ئايەت كېرىمدىمۇ “بۇ بولسا خۇدانىڭ پەزلى، خۇدا ئۇنى ئۆزى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، خۇدا چوڭ پەزىلەتنىڭ ئىگىسىدۇر” دەپ كۆرسىتىلگەن.
بۇ زاماندا پەيغەمبەر ئەۋلادىغا مەنسۇپ سەيىدلەر، پەزىلەتلىك دۇئا ئىگىلىرى، شەرىئەت ئۆلىمالىرى، فۇقۇھا ئىلمىنىڭ ئالىملىرى كۆپ ئىدى. بۇلار بولسا ئاتالىق بەدۆلەتنىڭ دۆلەت سۈرگەن ۋە ئىنتىزاملىق مەملىكەت قۇرغان دەۋرىدىكى پەزىلەتلىك ئالىملار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇ زاماندا ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىق ئامانەت كىيىمىنى تاشلاپ، ئۇ دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك ھايات كىيىمىنى كىيىشنى خالىدى. بەزىلىرى بولسا بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىق دائىرىسىدە قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە بۈزۈرۈك خان تۆرەم بىننى جاھانگىر خان تۆرەم بار ئىدى. ئۇ بۇ جايدا بىرنەچچە يىل تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىلىرىگە قايتتى. بۇنىڭ زىكرى يۇقۇرىدا بايان قىلىندى. يەنە بىرىسى جانابى سەيىد كاتتا خان تۆرەم ئىدى. ئۇ “ئاللا ئۆز دوستىغا جەننەت ئاتا قىلىدۇ” دېگەن ھۆكۈم ئىشارىتى بويىچە مەڭگۈلۈك باغچىسىغا سەپەر قىلدى ۋە قاشغەردە دەپنە قىلىندى. يەنە بىرى كاتتا خان تۆرەمنىڭ ئىنىسى كىچىك خان تۆرەم ئىدى، ئاقسۇدا دەپنە قىلىندى. يەنە بىرىسى ئىسرائىل خان تۆرەم بولۇپ، كونا تۇرپاندا دەپنە قىلىندى. مۇھەممەت رەھىم خان تۆرەم ساق - سالامەت ئۆز يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. ھېكىم خان تۆرەم بىننى كاتتا خان تۆرەمنىڭ زىكرى يۇقۇرىدا بايان قىلىندى، ئۇ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە بىرىنچى يىلى (مىلادى 1903 - 1904 - يىلى - ت) بۇ ئالەم يۈزىدىن مەڭگۈلۈك باغچىسىغا كەتتى دېگەن خەۋەرلەر بار. ئەھرارخان تۆرەم بولسا سالامەت ئۆز ۋەتىنىگە كەتتى. بۇ پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغ پەزىلەتلىرى بولسا خۇددى ئاسماندىكى قۇياشتەك مەلۇمدۇر.
ئىشان تەبىقىلىرىدىن مەخمۇد خوجا ھەزرەتلرى بار ئىدى. ئۇ پەزلى كامالەتتە تەڭداشسىز ئىدى. ئۇ يەنە جانابى ئاتالىق بەدۆلەتنىڭ پىر ۋە پېشۋالىرىدىن بىرى ئىدى، بۇ كىشى قاشغەردە ۋاپات بولۇپ، شۇ جايدا دەپنە قىلىندى. يەنە ئەھمەت خوجا ئىشان خەلپەتئىسلام بار ئىدى. بۇ كىشىنىڭ پەزىلەت ۋە تەبىئەت ئەخلاقىنى تەرىپلەپ يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ كىشى ھەرەم شېرىپ زىيارىتىگە تېگىشكە كەتتى. يەنە بىرىسى سەيىد ئەردىلانى بولۇپ، ئۇ موللا، ئۆلىما ۋە فۇقۇھا ئىلمىنىڭ دانا ئالىمى ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئاپاقتا دەرسگۇيلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن تالىپلار بۇ كىشىدىن ئىلىم ئوقۇپ مەنپەئەتدار بولغان ئىدى. يەنە شەيخ خۇداۋەندى ئۆمەرنىڭ نەۋرىلىرىدىن ئىشان تاجى خوجاسىدۇر بار ئىدى، بۇ مەھەللە خاننىڭ يېنىدىن مەلىكەئى پەرەڭگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ خىزمەت قىلغان ئەزىز ۋە مۇتەۋەر كىشى ئىدى. كېيىن يەتتە شەھەردىن يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. يەنە ھىندىستانلىق دىۋانە ئاتا ناملىق قەلەندەر مىجەزلىك لېكىن پادىشا سۈلەتلىك بىر قېرى ئاجىز كىشى بار ئىدى. بۇ قادىرىيە (210) تەرىقىتىدە رىيازان قىلىدىغان، كەشپى كارامەت ئادەتلەرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سوپىلاشقان ئادەم ئىدى. ئۇ يەنە ئاتالىق غازىنىڭ پىرى ۋە ئىشەنچلىك پېشۋالىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ ھازىر بىر يۈز ئون سەكسىز ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تېمەن ۋە قۇۋۋەتلىك بولۇپ، ھازىر غەۋسىيە داشلىرىنى قاينىتىپ، غېرىپ - بىچارىلەرگە ئاش بېرىپ، ئاجىز - بىچارىلەرگە يار - يۆلەك بولۇپ، ئۇچتۇرپاندا ۋەتىن تۇتتى.
بۇ چاغدا مەرتىۋىلىكلەر قاتارىدا ھېسابلانغان يەنە بىرمۇنچە قارى بار ئىدى. ھېچقانداق زامان ۋە ئەسىردە بۇنداق بىر جەمىيەت تەبىقىسى پەيدا بولغان ئەمەس. بۇلارنىڭ ئىچىدە قارى موللا سالىھ دېگەن ئادەم بولسا ئىمام، پازىل، ھاپىزى قۇرئان، خۇش ئاۋاز، مۆمىن دىندار ئادەم بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا “سالىھ” (دىنگە ياخشى ئەمەل قىلغۇچى - ت) دېگەن دىنىي ئىسىم بېرىلگەن ئىدى. يەنە پەزىلەتلىك ئۆلىما ئۇستازلاردىن قاشغەرلىق موللا مۇھەممەت شېرىپ خەلىپتىم بار ئىدى. ئۇ ئەللىك يىل، بەلكى ئاتمىش يىل مىقدارى دەرسگۇيلۇق مۇقامىدا ئولتۇرۇپ، تالىپلارغا ئىلىم ئۆگىتىپ، ئۇلارغا پايدا يەتكۈزۈپ، پۈتۈن ئۆمىرىدە ئەنە شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ھايات كەچۈردى. تولا ئىلىمى تالىپلار ئەنە شۇنىڭدىن يېتىشىپ چىقتى. ئۇ ئۆزۈندىن بۇيان ئىلىمنى كەسىپ قىلغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ يەنە ئۈچ يۈزگە يېقىن تالىبى خەتمىگەردىلىك لاياقىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن دەرس بېرىشكە رۇخسەت ۋە ئىرىشات (گۇۋاھنامە - ت) ئالدى دەيدۇ، ئۇنىڭ ئۆمىرى سەكسەنگە يېتىپ، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئونىنچى يىلى ماھى شېرىپ رەمىزاننىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى (مىلادى 1894 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى - ت) ئالەمدىن ئۆتتى. يەنە بىرى موللا مىر مۇھەممەدى ئاخۇنۇم قازى كالان بولۇپ، ئۇ فۇقۇھا ئىلىمنىڭ ئالىمى، شەرىئەتئۇناس، دىندار ۋە ئىنسابلىق كىشى ئىدى. يەنە موللا ئابدۇلرەشىت ئاخۇنۇم ئەلەم بولسا موللا، دىيانەتشۇئار، شەرىئەتپەرۋەر كىشى ئىدى. يەنە موللا مۇھەممەدى ئاخۇنۇم بولسا ئالىم، خۇش خۇي، گۈزەل سۆزلۈك، دەرسگۇي، شېئىر مۇئەممادا تەڭداشسىز، مۇشكۈل ئىلىملەردە ئوخشىشى يوق كىشى ئىدى. يەنە ئابدۇلخالىق ئىشان بولسا موللا مىر مۇھەممەدى ئاخۇنۇم قازى كالاننىڭ بىر تۇققان ئىنىسى ئىدى. ئۇ قادىرىيە ۋە جەشتىيە (211) سۈلۈك ۋە تەبىقىلىرىنىڭ چوڭ پېشۋاسى ئىدى. جانابى ئاتالىق دۆلەتيارنىڭ پىرى ۋە ئىشەنچلىك پېشۋالىرىدىن بىرى ئىدى. يەنە ياركەنت ۋىلايىتىدىن قازى زىيائىددىن داموللاممۇ ئىلىم ئۇستازى ۋە ئابرويلۇق قازى كالان ئىدى. ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ئىسلام پەتىۋا ئىلىمىگە، ئەمىرى شېرىپلىرى بولسا “كىشىلەرگە بولغان ھۆكۈم ھەق بولۇش كېرەك” دېگەن ئايەتكە مۇۋاپىق ئىدى. بۇ ساقسالامەت ئۆز يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. يەنە موللا قاسىىم ئاخۇنۇم ئەلەم ۋە موللا نۇئمان ئاخۇن قازى رەئىسلەرمۇ دەل ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى.
ئىشانلار تەبىقىسىدىن بولسا كىبىر ساھىپ ھەزرىتىم، مىسكىن ساھىپ ھەزرىتىم ۋە ئابدۇلراخمان ھەزرىتىملەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى گۇيا زامان پادىشاسى ۋە دەۋران ھاكىمىغا ئوخشايتتى. ئۇلارنى تەپسىلى تەرىپلەشنىڭ ھاجىتى يوق. خوتەندە موللا ئىبراھىم قازى كالان (212) دېگەن ئادەم بار ئىدى. بۇ ئالىم، دىيانەتلىك، ھەق سۆزلۈك، ھەقىقەتچى كىشى بولۇپ، شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىشتا ھەممە قازىدىن ئۈستۈن ۋە غەيرەتلىك، شەرىئەت رىئايەتلىرىنى بەجا قىلىشتا ھەممە فۇقۇھالاردىن يۇقۇرى ۋە پەۋقۇلئاددە كىشى ئىدى. ئاقسۇدا خوتەنلىك موللا ئابدۇللا ئاخۇنۇم قازى كالان دېگەن ئادەم بار ئىدى. بۇ كىشى مۆمىن، دىندار، ئىنساب ۋە دىيانەتتە تەڭداشسىز، فۇقاھىيەت ۋە ئادالەتتە ئوخشىشى يوق، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بولسا ئىماملار ۋە مۇجتەھىدىلەرنىڭ يولى بويىچە ئىجرا قىلاتتى، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق، ئىككى كىشىنىڭ دەۋاسى ئوتتۇرىسىدا ئادىل بولۇپ، خۇسۇمەت قىلىشقا قەتئىي يول قويمايتتى. قازى كالانلىق مەنسىۋى بولسا بۇ كىشىنىڭ ئۇلۇغ زاتىغا ناھايىتى مۇۋاپىق ئىدى. بۇ زات تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1889 - 1890 - يىلى - ت) ۋاپات بولدى. يەنە موللا مۇھەممەت ھەسەن ئاخۇنۇم دېگەن بىر ئەلەم بار ئىدى. ئۇ ئۆز مەنسىۋىگە لايىق ئۆلىمائى ئەلەم، پەزىلەتلىك پازىل ۋە ھەممە ئىلىمگە ماھىر ۋە سەۋىيىسى دېڭىزدەك چۇڭقۇر، زېھنى ئىدراكىلىرى تېز، مۇئەززىن تەبىئەتلىك نازۇك كىشى ئىدى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئونىنچى يىلى ماھى شېرىپ رەمەزاننىڭ يىگىرمە يەتتىنچى (مىلادى 1893 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى - ت) يەنى پەيشەنبە كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. يەنە موللا ئىسمائىل ئاخۇنۇم دېگەن ئادەم مۇفتى، شەرىئەت قانۇنشۇناس، خۇش خۇي، خۇش تىللىق، شېرىن سۆزلۈك، مۇلايىم، ھەر قانداق تەبىقىگە ماقۇل كىشى ئىدى. يەنە بايلىق موللا ئوسمان ئاخۇنۇم دېگەن كىشى بار ئىدى. بۇ كىشىنىڭ زىكرى ئەۋۋەلقى داستاندا بايان قىلىندى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ھەممىدىن پېشقەدەم، دىنىي دىيانەت بابىدا مۇستەھكەم، پەرھىز تەقۋادارلىقتا ھەممىدىن ئىشەنچلىك، ئىلىمى فۇقۇھا ۋە ئىلىمى سەرپتە ھەممىدىن بىلىملىك، لېكىن ئىلىمى مۇشكۇلاتتا ئاساسى كەم ئادەم ئىدى، بۇ كىشى بولسا مەزكۇر سۆزلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىۋاتقان مەنىكى مۇئەللىپنىڭ ئۇستازى ۋە پېشقىدەمى ئىدى. يەنە موللا ئابدۇللەتىپ ھاجى ئاخۇنۇم دېگەن ئادەم بار ئىدى، بۇ ئادەم بۇخارائى شېرىپتە ئىلىمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، ئىلىمى پەھن، ئىلىمى شەرھى، ئىلىمى ئۇسۇل ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىدا دەرس بېرىدىغان ئەلەم، خۇداگوي، پېقىر ۋە ھەر ئىشنىڭ ئاخىرىنى ئويلايدىغان، مۇلايىم، لاتاپەتلىك كىشى ئىدى. بۇرۇندىن بۇيان ئاقسۇدا ئاخۇنزادە ۋە شەرىئەت ئىگىسى بولۇپ كەلگەنلەردىن يەنە شەمىسىدىن ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن كىشى بار ئىدى. بۇ مۆمىن، دىندار، ساددا مىجەز، ئىستىخارە (كېچىلىك) نامىزىنى تاشلىمايدىغان دۇئا ئىجاۋىتىنى كۈچلۈك مۇھاپىزەت قىلىدىغان كىشى بولۇپ، ناتىقلىقتا تەڭدىشى يوق ئىدى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان بەشىنچى يىلى (1878 - يىلى - ت) ۋاپات بولدى. يەنە ھادى خەلىپەم دېگەن ئادەم بار ئىدى. بۇ كىشى سەججادەنىشىن (زىكرى تىلاۋەت - ت) لىق بىلەن ئۆمۈر كەچۈرگەن ئىشان مەرغىياسىدىن ۋە لىسۇللانىڭ ئۆرىسى ئىشانجان ھەزرىتىمنىڭ خەلىپىسى ئىدى. جانابى ئالى زامانىدا قاشغەردە ۋاپات بولدى.
يەنە موللا ئابدۇلباقى ھاجى مۇفتى دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ ئەقىل - پاراسەتتە تەڭداشسىز، دانا، فۇقۇھا ئىلىمنىڭ ئالىمى، تەڭداشسىز شائىر ۋە كىتاب يازغۇچى بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا گۇيا بىر ئۇلۇغ پادىشادەك ئىدى. ھەممە ۋاقىت نەغمە - ناۋا ۋە جەزمىدىل ئارىلىق بىلەن ياشايتتى. بەزىدە بىرەر پىيالە مەي ئىچىپ روھىنى خوشال قىلىپ، شادى - خوراملىق بىلەن بەزمە قىلاتتى. ئۇ ناھايىتى خۇش تەبىئەتلىك، خۇش مۇناسىۋەتلىك، مەرت ۋە مۇساپىر كىشى ئىدى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈزىنچى يىلى (مىلادى 1882 - 1883 - يىلى - ت) ۋاپات بولدى.
ئىشان تەبىقىلىرىدىن يەنە ئىمام رەببانى (213) ۋە مۇجەددىد ئەلفى سانى ھەم قۇتبى غەۋس سەمەدانى)، يەنى جانابى ئەھمەت فارۇقى سەھەرىندىنىڭ (214) نەۋرىلىرىدىن ناسار مەسۇم ھەزرىتىم دېگەن كىشى بار ئىدى. بۇ كىشى ئاقسۇدا ۋەتىن تۇتۇپ، ھاپىزى كالام رەببانى رىيازەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە ئۇنىڭغا چىن ئىخلاسى بىلەن ئىشىنىپ، نەقى ئىسپات قىلىپ، دائىم سەجدە بىلەن شۇغۇللىناتتى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1875 - يىلى - ت) ئاقسۇدا ۋاپات بولۇپ، شۇ جايدا دەپنە قىلىندى. يەنە بۇ خانادانلاردىن ھەزرەت كالاننىڭ پەرزەنتى ۋە ئاللانىڭ پەزىلەتلىك ۋاستىسى بولغان سادىق ھەزرىتىم دېگەن ئادەم ئىدى، بۇ كېچىلىرى ئۇخلىماي كالامى شېرىپ ئوقۇيدىغان، دائىم رىيازەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئوچۇق قوللۇق، غېرىپپەرۋەر، قەلەندەر رەۋىش، كەمبەغەل مىجەزلىك، پادىشا سۈپەتلىك كىشى ئىدى. ئۇ كېيىن ۋىلايەت تەرەپكە چىقىپ كەتتى. يەنە ۋىلايەتلىك موللا ئىبراھىم ئاخۇن قازى ئەسكەر دېگەن ئادەم بولۇپ، ئۇ دىندار، شەرىئەتپەرۋەر، شەرىئەت ئالىمى ۋە پەرھىزگار كىشى ئىدى. يەنە قىپچاق موللا نارقۇلى ئاخۇن مۇفتى ئەسكەر دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ توغرا نىيەتلىك ۋە شىر سۈپەتلىك كىشى ئىدى. يەنە موللا سائادەت ئاخۇن رەئىس دېگەن كىشى ھېساب ئىلىمىگە ناھايىتى قىزىقاتتى. يەنە باي سايرامدا قازىلىق ئەمىلىگە نېسىپ بولغان موللا ئەكرەم شاھ قازى دېگەن ئادەم ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ تەر ئاققۇزۇپ، ئۆزىنىڭ زېمىنىنى تېرىپ ياشايتتى. بۇ تەقۋادار ۋە فۇقۇھاشۇناس ئالىم ئىدى. تۇڭگانلار دەسلىپى كەلگەن چاغدا، تۇڭگانلارنىڭ زۇلۇمەت ئوقى بىلەن، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1877 - يىلى - ت) گۇناھسىز ئۆلدى ۋە شېھىتلىك دەرىجىسىگە ئۇلاندى. بۇ چاغدا كۇچاردا موللا يۈسۈپ ئاخۇنۇم قازى كالانلىق مەنسىۋىگە نېسىپ بولدى. ئۇ فۇقۇھا ئىلىمىنى شەرھىلىگۈچى ۋە تەكسۈرگۈچى ھەم ئۇستا ناتىقلار قاتارىدىكى كىشى ئىدى. ئۇنىڭ مىجەزى نازۇك، سىپايى تەبىئەتلىك كىشى ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن خىزمىتىدىن بوشىتىلدى. كېيىن يەنە مەرھەمەت قىلىپ، ئاقسۇدا قازى مۇئەللەقلىق ئەمىلىنى بەردى. كۇچارغا بولسا موللا ئاللا يار ئاخۇنۇمنى قازى كالان قىلدى. بۇ ئالىم، مۆمىن، دىندار، ساددا، فۇقۇھاچى، دىيانەتئۇئار، تەمكىن كىشى ئىدى. ئۇنىڭ قازىلىق ھۆكۈملىرى پەيغەمبەر شەرىئەتلىرىگە، ئەمىرى شېرىپلىرى، ئىماملارنىڭ تۇتقان يوللىرىغا مۇۋاپىق بولۇپ، ئۆزى ناھايىتى غەيرەتلىك كىشى ئىدى ۋە ئۇمەنىكى بۇ ئەسەرنى يازغۇچىنىڭ ئۇستازى ۋە باش قويىدىغان پېشۋاسى ئىدى. ئۇ تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1886 - 1887 - يىلى - ت) ھەرەم شېرىپ زىيارىتىدىن يانغاندا ئەنبەرەسەز دېگەن جايدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ يەنە بىر ئىنىسى موللا ئەلى ھاجى ئاخۇنۇم بىر مەزگىل ئەلەم بولدى. بۇ موللا، خۇشگوي ۋە خۇش سۆزلۈك كىشى ئىدى. يەنە موللا ئابدۇلقادىر ئاخۇن مۇفتى دېگەن موللا فۇقۇھار شەرىئەتئۇناس، خۇش تەبىئەتلىك، خۇش مۇئامىلىلىك، شائىرلىق ئىلىمىگە مايىل، بەزمە ئارالىققا قايىل بىر كىشى بار ئىدى. ھازىر ئۇ كىشى ھايات بولۇپ، قازى كالانلىق مەنسىۋىنى ئۆتىمەكتە، كورلىدا بولسا موللا ئەخمەت ئاخۇن دېگەن كىشى قازى كالان ئىدى. بۇنىڭ ئىلىمى ئازراق، ئىنساب دىيانەتلىرى تولاراق كىشى ئىدى. تۇرپاندا قازى سۇرخ ئابى دېگەن كىشىنى قازى كالان قىلىپ تەيىنلىدى. بۇ موللا، دىندار، فۇقۇھا ئالىمى، تەقۋادار كىشى بولۇپ، مىجەز شېرىپلىرى نازۇك، غەيرەتلىك ۋە چوس ئادەم ئىدى. بىراق، مەنسىۋىدىن تېزلا بىكار قىلىندى.
ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرپانلىق موللا تۈمۈر ئاخۇننى قازى كالان قىلدى. بۇ موللا، فۇقۇھا ئىلىمىنى شەرھىلىگۈچى، دىندار، پەرھىزگار كىشى ئىدى. ئۇنىڭ پەرھىزگارلىغى شۇنچىلىك ئىدىكى، ھېكىم خان تۆرەم تۇرپانغا ھاكىم بولغان ۋە زامان قالايمىقان، ئىنقىلاپلار پارتلىغان بىر چاغدا، ئۇ ھېكىم خان تۆرەمدىن بىر مىڭ بەش يۈز قىزىل تىللا ئامانەت ئالغان ئىكەن. بۇنى قايتۇرغىچە مالىمان بولۇپ، ئوتتۇرىدىن ئون ئىككى يىل ئۆتۈپتۇ. ئاندىن قازى كالان “بۇ ۋاقىتقىچە بۇ ئامانەتنى ئىزدەپ كىشى كەلمىدى، ھايات چېغىمدا بۇ ئامانەتنى تاپشۇرۇپ بېرەيچ، ھەرەم زىيارىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ كېلەي” دەپ تۇرپاندىن چىقىپ فەرغانە ۋىلايىتىگە كېلىپ، ھېكىم خان تۆرەمنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ، بۇ ئامانەت ئالغان تىللانى ئالدىغا قويغاندا، تۆرەم “بۇ قانداق نېمە؟ قاچان ئامانەت ئالغانسىز؟” دەپتۇ. چۈنكى، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن. قازى كالان ۋەقەنى بايان قىلىپ، ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، تۆرەم ئاندىن قازى كالاننى تونۇپ، تەھسىن - ئاپىرىن ئوقۇپ “ئوشبۇ زاماندىمۇ مۇنداق ئىنساب، دىيانەتلىك ئادەم بار ئىكەن، نېسىمدىن چىقىپتۇ” دەپ خوش بولۇپ دۇئا قىلىپ، بىرنەچچە كۈن توختىتىپ مېھمان ۋە زىياپەتلەرنى قىلىپ يولغا سالغان ئىكەن. تۇرپان بىلەن فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئارىلىغى ئەقەللى ئاتمىش كۈنلۈك مەنزىل ئىدى. ئۇ سەپەرگە نىيەتكە بارغاندا كېسەل بولۇپ ۋاپات بولۇپتۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى بىللە ھەمرا ئىكەن. ئۇ ئوغلىغا “مۇبادا مەن ھەق تائالانىڭ ھۆكۈمىگە بوي سۇنسام، سەن بۇ جايدىن ھەجگە بارساق راۋا بولمايدۇ، تۇرپانغا بېرىپ ئۈكىلىرىڭنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق شەرىئەت ھەققىنى ئايرىپ بېرىپ، سەنمۇ ئۆز ھەققىڭنى ئايرىۋېلىپ، ئۆز پۇلۇڭ بىلەن ھەج قىلساق بولىدۇ” دەپ ۋەسىيەت قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. ئوغلى دادىسىنىڭ ئەمىرى بويىچە تۇرپانغا قايتىپ كېلىپ، ئۆز ھەققى بىلەن ھەجنى ئادا قىلىپ كەلدى. يەنە موللا سايىت ئاخۇن دەپ بىر ئۆلىما كىشى بار ئىدى. ھەممە ئىلىمدە ماھىر، سەۋىيىسى دېڭىزدىنمۇ چۇڭقۇر ئىدى. نۇرغۇن ئىلىملىك تالىپلار بولسا “بۇ كىشىنىڭ ئىلىمى خۇدا تەرىپىدىن بىۋاستە بېرىلگەن” دەيىتتى. بۇ كىشى ئۆمۈر بويى دەرسگۇيلۇق بىلەن ئۆتتى. يەنە ئا - يول كەھەب شەيخلىرىدىن موللا پولات شەيخ دېگەن ئەزىز، مۇتەۋەر ۋە باي بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ ئاقسۇدا توختاتتى.
گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، بۇ يەتتە شەھەردە يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان مەزكۇر ئۆلىما ۋە سالاھىيەت ئىگىلىرىدىن باشقا يەنە نەتىۋارلىق ئالىملار ۋە پازىللار تولا ئىدى. لېكىن سۆزىمىزنى شۇنىڭ بىلەن بەس ۋە كۆپايە قىلدۇق. بۇ زاماندا يۇرت سورايدىغان، ھاكىمى ۋىلايەت بولغانلاردىن يەنە قاشغەردە ئالاش بېي دادخۋا، ياركەنتتە مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇل دادخۋا، خوتەندە نىياز ھاكىم بەك دېگەنلەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ زىكرى ئۆز ئورنىدا بايان قىلىندى. ئاقسۇغا ئەڭ دەسلىپ ھېكىم خان تۆرەم ھاكىملىق قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن موللا جىيەن مىرزابېشىنى ھاكىم قىلدى. بۇ ئاقسۇنى ئون سەكسىز ئاي سورىدى. ئاندىن كۇچارلىق ئابدۇلراخمان دادخۋانى ھاكىم قىلدى. ئۇچتۇرپانغا مۇھەممەت بابا توقسابېينى ھاكىم قىلدى. باي سايرامغا مۇھەممەت ئىمىن توقسابېينى ھاكىم قىلدى. كۇچارغا ئىسھاق خوجامنى ھاكىم قىلدى، ئىككى يىلدىن كېيىن نار مۇھەممەت پەرۋانىچىنى ھاكىم قىلدى. ئاندىن ئامىل خان تۆرەمگە ئىنايەت قىلدى. تۇرپاننى ھېكىم خان تۆرەمگە ھۆكۈم قىلدى. ئۈرۈمچىنى تۇڭگانى كەنجە ئاخۇنغا يارلىق قىلدى.
ئەلقىسسە، ئاتالىق غازى (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان ئورنىنى نۇرلۇق قىلسۇن!) يۇرتدارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى قىلاتتى. دانا ۋە پازىل كىشىلەردىن ئاشكارا ھالدا بىرەر ۋەزىر تەيىنلىمىدى. لېكىن، ئۇ مەملىكەتدارلىق ئىشلىرىنى ھەل قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش ۋە ئورنىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە دىندار، ھۇشىيار مىرزىلار ۋە تەجرىبىلىك كىشىلەرنى، خۇددى ۋەزىرلەرنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ، شۇلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەمەلدارلىق، دۆلەتخۋالىق، پۇقراپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە ئىجرا قىلاتتى. يۇرتلارنىڭ كىرىم - چىقىملىرى، ئەمىرايىلار، لەشكەرلەر سانى، ئات، ياراقلارنىڭ ھېسابى، غەزىنە، ئاشخانا، ئاشخانىلارنىڭ خىراجەت سەرپىياتى قاتارلىق ئىشلار مىرزىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلگەن ئىدى. ھۆكۈمەتدارلىق ئىشلىرىنى ئاساسەن مىرزىلار بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن جانابى ئالىغا مەلۇم قىلاتتى. ئەرزچىلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئىشلىرىمۇ مىرزابېشىلار ئارقىلىق ھەل قىلىناتتى. جانابى ئالىنىڭ ھوقۇقىدىن قالسا، مىرزابېشىلارنىڭ ھوقۇقى چوڭ ئىدى. مىرزابېشىلارنىڭ ئىززەت ۋە ھۆرمىتى ناھايىتى چوڭ ئىدى. لېكىن ئۇلار غەزەپ سىياسىتىنىمۇ خالى ئەمەس ئىدى.
بۈزۈرۈك خان تۆرەم جانابى ئالى دەسلىپى كەلگەن چاغدا، موللا ياقۇپ مىرزابېشى دېگەن ئادەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ئىدى. ئۇ ئەقىل - پاراسەتتە تەڭداشسىز، مۇنشى خەتتاتلىقتا ئوخشىشى يوق ئىدى، ئۇ ئۈچ يىل مىقدارى مىرزىلىق ئەمىلىنى ئۆتىدى، ئاندىن كېسەل بولۇپ ۋاپات بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىن مىرزا باراتنى مىرزا بېشى قىلدى. لېكىن ئۇ ئىش ئېلىپ بارالمىدى. ئاندىن موللا ئەيسانى مىرزا بېشى قىلدى. ئۇ راۋاج تاپالمىدى. ئاقىۋەت قاشغەرلىق ھاجى ئەلەم ئاخۇننىڭ ئوغلى مۇھىدىن مەخزۇمنى مىرزابېشى قىلدى. ئۇنىڭ مەشھۇر ئىسمى مىرزا فەرىخ ئىدى. چۈنكى ئۇ قاشغەردىن تۇرپانغىچە بولغان يوللارنى فەرىخ قىلىپ (ئۆلچەپ - ت)، تاش توختىتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ناھايىتى ھۇشىيار، تەجرىبىلىك، قاۋۇل، زېرەك، تېز قەلەم ۋە مۇنشىلىقتا رىسالىلەر يازغان، ھەممە ئىلىمدە دانا ۋە ھەممىگە ماقۇل كىشى ئىدى. يەتتە خىل تىل بىلەتتى. ئالتە تايىپىنىڭ خېتىنى يازاتتى ۋە ئوقۇيىتتى. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بۇخارالىق موللا كامال مىرزا، تۇسلۇق كامالىدىن مىرزا، موللا بارات مىرزا، ئەۋلىيا مىرزا، كاتتا خوجا مىرزا، شادى مىرزا، قاشىق خان تۆرەم مىرزا قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەرغىنانلىق زەينۇلئابىدىن مىرزا دېگەن قاشغەرگە كەلدى. بۇ زاتنىڭ تەرىپى يۇقۇرىدا بايان قىلىندى.
بەك بەچچە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا، مەزكۇر مىرزا بېشىنى قىرىق ئاتلىق يىگىت بىلەن خاقانى مەنسەپدارلىرىغا ۋە زۇڭتۇڭ دارىنغا ئەلچى قىلىپ ماڭدۇردى. قورال - ياراقلىرى بىلەن كېلىپ مارالبېشىدىن ئۆتكەندە، زۇڭتۇڭ دارىننىڭ چاپاۋۇل چېرىكلىرىگە ئۇچراپ، بىر بىرىنىڭ مەقسىدىنى ئۇقۇشماي، تىل - زۇۋانلىرىنى بىلىشمىگەنلىكتىن، زۇڭتۇڭ دارىننىڭ چېرىكلىرى قورال - ياراقلىق بۇ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئوق چىقىرىپتۇ، مەزكۇر يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپتۇ. مەخزۇمنىڭ ئاغزىغا ئوق تېگىپ، بوغۇزىدا توختاپ قاپتۇ. بۇ بىھۇش بولۇپ ياتقاندا، زۇڭتۇڭ دارىن يېتىپ كەپتۇ. ئۇنىڭغا جانابى ئالىنىڭ غەزىنىچىسى ھوشۇر مەھرەم، ئاقسۇلۇق سىدىق بەگكەلەر تىلماچ بولۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇلار بۇنى تونۇپ زۇڭتۇڭ دارىنغا مەلۇم قىلىپتۇ ۋە “بۇ كىشى لاۋ پادىشانىڭ (كونا پادىشانىڭ - ت) كاتتا ئادىمى ئىدى، بەك تىنچ ئادەم ئىدى” دېگەندە، ئۇ “ئانداق بولسا مەن چۈشكەن يەرگە تىنچ ئېلىپ بارسۇن” دەپ بۇيرۇپتۇ، ئېلىپ بارغاندىن كېيىن جاراھەتچى بىر خىتاينى ھازىر قىلىپ سۆز سورىسا، جاۋاپ بېرەلمەي، ئىما - ئىشارەت بىلەن “ماڭا دۆۋەت، قەغەز، قەلەم كېرەك” دەپتۇ، بۇلارنى كەلتۈرگەندىن كېيىن، مۇددىئالىرىنى خەتكە يېزىپ بېرىپتۇ. خەت مەزمۇنىغا قاراپ تۇرۇپ “ئۇلۇغ خاننىڭ مەنسەپدار ۋە چېرىكلىرىنىڭ كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ، بىلىپ تۇرۇپ، قورال - ياراق بىلەن ئۇلارغا دۇچار بولغىنىڭ قانداق؟” دەپ سورىغاندا، ئۇ خەتكە يېزىپ “مېنىڭ خەۋىرىم يوق، بەك بەچچە ئۆزىدىن قورقۇپ، مېنى ئەلچى قىلىپ بۇيرۇغان ئىكەن” دېگەندە، بۇ “ئۇ سېنى ئۆلسۇن دەپ بۇيرۇغان ئىكەن” دېسە، يەنە خەتكە يېزىپ “بەك بەچچە ياش ئىدى، ياشلىق قىلىپ بىلمەسلىكتىن مېنى بۇيرۇدى، بارمايمەن دېگىلى بولمىدى” دەپتۇ. بۇ “راستىگىنى ئېيىتتىڭ” دەپ قايىل بولۇپ ئادەم قوشۇپ، قاشغەرگە ئېلىپ بارسۇن دەپ، يولدا خەجلەيدىغان كۈمۈش ئىنئام قىلدى ۋە قاشغەرگە بارغاندا، ئۇنىڭغا ئوبدان جاي - ماكان تەيىنلەپ، ۋەزىپە مائاش بەلگىلەپ، تۆت - بەش كۈندە سۆز سوراپ ئىلتىپات قىلىپ تۇردى.
ئاخىرى قىشنىڭ سوغاقلىرى ئۆز ماكانىغا كەتتى. باھار كۈنلىرى كەلدى، پاختەك، قۇش - قۇمرىلار سايراشقا باشلىدى. مەخزۇم مىرزا بېشىمۇ سۆزگە كىرىپ، “ئەمدى يۇرتۇمغا چىقىپ كەتسەم” دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. زۇڭتۇڭ دارىن “چېرىكلەر سىزنى بىلمەي ئېتىپ قويۇپتۇ، كۆڭلىڭىزگە ئالماي، رازى بولۇپ ئەپۇ قىلغايسىز” دەپ ئۆزرە - خالىق ئېيتىپ، ئىككى يۈز كۈمۈش، ئات بېرىپ، فەرغانە ۋىلايىتىگە كېتىشكە رۇخسەت بېرىپتۇ. ياخشىلىقنىڭ ئەسىراتىنى بۇ ئالەمدە كۆرۈپ، مەرغىنانغا ساق - سالامەت بېرىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەرەم شېرىپ زىيارىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ، مۇرات - مەقسەتلىرى ھاسىل بولۇپ، يەنە يېنىپ كېلىپ مەرغىناندا ۋاپات بولۇپتۇ.
يەنە نەجىمىدىن مىرزا، ھاجى ئارتۇق مىرزا، موللا ئەيسا مىرزا، موللا قاسىىم مىرزا، موللا كېرىم مىرزا قاتارلىق كۆپ مىرزىلار بار ئىدى. يەنە تاشكەنتتە غازى ئاتالىققا مىرزا بېشى بولۇپ، ئاندىن مەرغىنانغا ھاكىم بولغان ۋە كېيىنچە موللا ئالىم قۇل ئەمىرى لەشكەر خوتەندىكى ھاجى پادىشاغا مىرزا بېشى قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە قارغىلىقتا ھاكىم بولغان قانائەتشاھ دېگەن كىشى بار ئىدى، ھىسار بەگ زادىلىرىدىن مىرزا بابابەك ھىسارى بولسا جانابى ئاتالىقنىڭ پەرمانى بىلەن ئاقسۇغا زاكاتچى قىلىپ تەيىنلەندى. ئۇچتۇرپاندىن كورلىغىچە بولغان جايلاردىن زاكات يىغىش ۋە زاكات ئېلىشقا بۇيرۇق بېرىش، قاراۋۇللاردىن ئۆتىدىغان يول خېتى قاتارلىقلارغا دەل بۇ زاكاتچىنىڭ مۆھۈرى بېسىلاتتى ۋە ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىناتتى. بۇ مۆمىن، دىندار، ئىنسابلىق كىشى ئىدى. ھەر ھەپتىدە قۇرئانى كېرىمنى بىر قېتىم ۋە دالائىلنى بىر قېتىم خەتمە قىلىپ چۈشۈرەتتى. مەزكۇر كىتابنى يازغۇچى مەنىكى كەمىنە موللا مۇسا ئىبنى موللا ئەيسا خوجا سايرامىمۇ مەزكۇر زاكاتچىنىڭ خىزمىتىدە يەتتە يىل ئىشلەپ ئۆمۈرۈمنى ئۆتكۈزدۈم. ئۇنىڭ تاھارەتسىز يەرگە قەدەم قويغانلىغىنى كۆرمىدىم. ئۇ قىش ۋە يازدا سوغاق سۇدا تاھارەت قىلاتتى. نازۇك شەرىئەتكە قىلچىلىكمۇ تاجاۋۇز ياكى خىلاپلىق قىلمايتتى، بىر ھۇجرىنى پەقەت تىلاۋەت قىلىشقا تەيىنلىگەن ئىدى، بۇ ھۇجرىدا ئىككى خام خىش، ئىككى پارچە بورا، بىر پارچە كالامى شېرىپ، بىر پارچە دالايىل، بىر دانە تەسبىھدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. بۇ ئۆيگە مەندىن باشقا ئادەمنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت بېرىلمەيتتى. ھاۋا سوغاق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر مۇھىم ئىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كىرسەم، ئۇ يېڭىلا تاھارەت ئالغان ئىكەن. تاھارەت سۈيى ئۇنىڭ بۇرۇت، ساقال ۋە قاش، ماقاللىرىدا مۇزلاپ قاپتۇ، مەن چىقىپ بىر چوغداققا جىق كۆمۈر سېلىپ ئوت يېقىپ، ئىس - تۈتەكلىرىنى چىقىرىپ، كۆتۈرۈپ كىرىپ ئالدىغا قويدۇم. ئۇ قول ۋە يۈزلىرىنى بىر قاتار ئىسسىتىۋېلىپ، دۇئا قىلىپ تۇرۇپ، “ئەي بوتام، بۇ ئوتنى ئېلىپ چىقىپ ئۆزەڭلەر ئىسسىنىڭلار، مېنى بۇنداق راھەتكە ئادەت قىلىپ قويماڭلار” دەپ چىقىرىۋەتتى. ئۇ قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىغان ئۆيىگە زادى ئوت قالمايتتى ۋە “يېشىم ئاتمىشقا يەتتى، ئاقنى قارا قىلمىدىم، قارانى ئاق قىلمىدىم. ئۆمۈرۈمنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزدۈم. دەرگاھى ئىللاھغا قايسى يۈزۈم ۋە قايسى كۆزۈم بىلەن بېرىپ، ئۇنىڭ جامالىغا قانداق قارايمەن، ئۆمۈرۈمنىڭ ئاخىرىدا ئاق ساقىلىمنى قىزىل قانغا بويلاپ تۆۋبە قىلىپ ئېلىپ بارسام، بىر غازات قىلىپ ئۆلسەم” دەپ يىغلاپ - يىغلاپ، كۆز ياشلىرىنى خۇددى يامغۇردەك تامچىلاپ - تامچىلاپ قىلىپ تۆكەتتى. مەن كەمىنە ئۆز كۆڭلۈمدە “مۇبادا خىتاي كەلسە، جاننى ساقلاش ئۈچۈن قايسى داۋان ياكى قايسى قاراۋۇلدىن ئېشىپ كېتەر ئىكەنسىز” دەيىتتىم. ئاخىرى ئۇ ياركەنتتە كاپىرلارنىڭ قولىدىن شەرىبىتى شاھادەتنى ئىچتى ۋە مۇراتىغا يەتتى. ئۇ تولا كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز تىلاۋەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى.
تىلاۋەتتىن باشقا ئىشلارنى كەم قىلاتتى، نەقىل قىلىشلارغا قارىغاندا، خىتايلار قادىر قۇلى بەك، ئامىل خان تۆرەم، مۇھەممەت ئىمىن توقسابېي، قارى مۇھتەر باشلىق ئون يەتتە كاتتا بەكنى كۈندە شاھادەتلىككە يەتكۈزگەن ئىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەزكۇر زاكاتچىنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا بولۇپ، نەچچە سەكرەپ، قاتتىق ئاۋاز بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ. بۇنى كۆرگىلى چىققان خالايىق ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ ھەيران بارماقلىرىنى تەپەككۈر چىشلىرىغا قويۇپ چىشلەپ، تەھسىن - ئاپىرىنلارنى ئوقۇغان ئىكەن. بۇنىڭغا جاللات كاپىرلارمۇ ھەيران بولۇپ قاراپ قالغان ئىكەن. ياركەنتتىن كېلىپ بۇ ۋەقەنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئىشەنچلىك سودىگەرلەردىن “بۇ زاكاتچىدا قانداق ياخشى خىسلەت بار ئىدى. ئۇ قانداقچە مۇنداق بولدى” دەپ ماھىيىتىنى سورىدى. بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم، ئۇلار ئاپىرىنلارنى قىلىپ دۇئاغا قول كۆتەردى.
شۇ سائادەت ئەسەر ۋە دۆلەتيار زاماندا، ھۇشىيار مىرزىلارنىڭ خۇش ئىنشا ۋە قەلەملىرىنىڭ سۆزلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە تىزىش ئۇسلۇبى گۇيا مىرزا ئابدۇلقادىر بېدىلى ئەززەمنىڭ (215) خەت ۋە سۆز ئۇسلۇبىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىپىدىن گۈل يۈزلۈك بىر مەھبۇپ، ھەر بىر چىكىتلىرىدىن بىر سۆزۈك لەئىلە پەيدا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا گۇيا بىر باغى جاھاندەك، سەيىر - تاماخا قىلىپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرىگە رۇشەن نۇر، كۆڭۈللىرىگە ھەدددىن ئارتۇق خوشاللىق بەخش ۋە ئاتا قىلاتتى. بۇ تەدبىرچى مىرزا ساھىپ ۋە دەپتەرچىلەرنىڭ خۇش قەلەملىرىدىن چىققان گۈزەل ۋە شېرىن سۆزلەرنىڭ ھەر بىر ھەرىپى بولسا پۇقرالارنىڭ مول مېھنىتى ۋە پاراۋانلىغىغا سەۋەپ بولاتتى. ئۇنىڭ ھەر بىر چىكىتى بولسا كۆڭۈللەرنىڭ تەشۋىشلىرىنى ئورنىغا چۈشۈرۈپ، خاتىرجەمىلىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولاتتى.
بۇ چاغدا يەنە بەزى بەدبەخ مىرزىلار بار ئىدىكى، ئۇلار بولسا زالىم، خىيانەتچى، ئىنسابسىز ئادەملەردىن ئىبارەت بولۇپ، بىرنى ئون قىلىشتىن قورقمايتتى، ئۇلارنىڭ قەلەمى بولسا گۇيا بىر چاياننىڭ چىقىشى ياكى بىر جاراھەتچىنىڭ زەھەرلىك نەشتىرىگە ئوخشايتتى. دېمەك، ئۇ زامان مۇنداقلاردىنمۇ خالى ئەمەس ئىدى.
ئەلقىسسە، ئۇ ئادالەت ئىنتىزام ۋە ئاقىۋىتى خەيرلىك زاماندا، جانابى بەدۆلەت غازىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ۋە ئىنتىزام ئاقىۋەتلىك ئەسكەرلىرى ئىچىدە مۇھەممەت نەزەر بەك، قادىر قۇلى بەك دېگەن ئادەملەر بولۇپ، بۇلار نەسەپ جەھەتتە فەرغانە ۋىلايىتىدىكى بابۇرىيە (216) خانلىرىنىڭ نەسەپلىرىگە مەنسۇپ ئىدى. خۇداي قۇلى خان بولسا خانلارنىڭ ئەۋلادى ئىدى. ئۇ ئاز ۋاقىت خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئاندىن تەختتىن چۈشتى. بۇنىڭ نامى بولباقچى خان دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر. يەنە ئىلگىرىكى خوقەند خانلىرى زامانىدا خىزمەت قىلىپ، خانلارنىڭ مۇبارەك نەزەرلىرىدىن ئۆتۈپ يۇرت سوراپ، ئەمەلدارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى، نارمۇھەممەت پەرۋانىچى، باقى بەك دادخۋا، مىر بابا دادخۋا، پەيزۇللا دادخۋا، قوش دادخۋا، ھەمدەم باتۇر بېشى، مىرزا قاسىىم مۇھتەر، بۇخارالىق ئابدۇل غاپپار بەك، ھىسارلىق مۇھەممەت ئىمىن بەك، خوجا نەزەر بەك بوخچە، بەردار ھۆدەيچى قاتارلىق ئەسىل كاتتا بەك ۋە بەگزادىلەر تولا ئىدى. بۇلار جانابى ئالىنىڭ مۇبارەك دۆلەتلىرى سايىسىدە خاتىرجەم ۋە ئىززەت، ئابروي بىلەن ئۇنىڭ ئوبىدان ئەمىرايىلىرى بولۇپ ئۆمۈر كۆچۈردى.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئەسلىدىن بىكار قىلىنغان، ئەمما جەمەتىلىك ئەسىل ئەمىرايىلارمۇ تولا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ كېيىنكى جەڭ - ئۇرۇش كۈنلىرىنى تاماخا ۋە بەزمە قاتارىدا كۆرۈپ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىلىپ ئىش قىلىدىغان ئەمىرى لەشكەرلەرمۇ بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە جانابى ئاتالىق غازىنىڭ پەرزەنت رىشتىسى بولغان بەك قۇلى بېگىم بولسا، ئۇ چاغدا ئەمىرى لەشكەر ھاكىم بېشى ئىدى، ئىككىنچى ئوغلى ھەق قۇلى بېگىم بولسا ئەمىرى لەشكەر ئىدى. مىرزا ئەھمەت قۇشبېگىمۇ ئەمىرى لەشكەر ئىدى. بۇرۇنقى خانلار زامانىدا تاشكەنتنى نەچچە يىل سورىغان ۋە فەرغانە ۋىلايىتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە، بۇ كىشىدەك كاتتا ۋە چوڭ ئەمەلدار يوق ئىدى. جانابى ئالى بۇ كىشىنى ئەمىرى لەشكەر قىلدى. لېكىن ئۆز كۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، بىر مەزگىل نەزەربەنتتە تۇتۇپ، يەنە ئۇنىڭغا مېھرىۋان بولۇپ، ئەمىرى لەشكەرلىككە تەيىنلىدى. بۇنىڭ زىكرى يۇقۇرىدا بايان قىلىندى. يەتتە قىپچاق ئۆمەر قۇل دادخۋا دېگەن كىشى بار ئىدى. بۇنىمۇ ئەمىرى لەشكەر قىلدى. بۇ ئەسلىدە فەرغانە ۋىلايىتىدىكى خانلارنىڭ ھوزۇرىدا چوڭ ئەمەلدار ئىدى. بۇ ئون تۆت يىل ئەمىرى لەشكەر بولۇپ، دۆلەت ئىززىتى بىلەن يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. ئۇ بىرنەچچە ئورۇنغا ئابدۇللا پانسەتىنى ئەمىرى لەشكەر قىلدى. ئۇ بىرنەچچە يىل خۇددى رۈستەمى داستان ۋە سام نەرمانلاردىنمۇ ئارتۇق ئىشلارنى قىلدى. ئاخىرى كۆزى نۇردىن قالدى. بىرنەچچە مۇددەتتىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىككى يۈز يامبۇ ئىنئام قىلىپ، ئادەم قوشۇپ، بەلىخىدىكى مازارى شېرىپكە ماڭدۇردى. ئۇنىڭ ئورنىغا بەچچە باتۇر پانسەتنى ئەمىرى لەشكەر قىلدى. بۇ جانابى بەدۆلەت غازىنىڭ قول ئاستىدا ئۆسكەن ئىدى. يەنە قىپچاق تۇردى قۇلىنى ئەمىرى لەشكەر قىلغان ئىدى. بۇ كېيىن ئورنىدىن بوشاپ كۇچاردا تۇردى. بۇ مۆمىن مۇسۇلمان، دىندار ۋە تالاۋەتتىن باشقا ئىشلار بىلەن كەم شۇغۇللىنىدىغان كىشى ئىدى. ئاخىرى ساق - سالامەت ئۆز يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. يەنە قىپچاق مۇھەممەت مۇسا توقسابېيى دېگەن ئەمىرى لەشكەر بار ئىدى. بۇ جانابى ئالى تەرىپىدىن ئاقسۇدا سالام ئاغىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئورۇنباسارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى. يەنە ئاۋغان جامىدار دادخۋانى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، توپ، زەمبىرەك سەربازلىرىنىڭ ئۈستىگە قويغان ئىدى. بۇ ناھايىتى ھەيۋەتلىك، باتۇر ۋە شىجائەتلىك كىشى ئىدى. بۇ ساق - سالامەت ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ھەرەم شېرىپنىڭ زىيارەت ئاللىرىغا مۇيەسسەر بولۇپ، مەقسەت - مۇراتىغا يېتىپ ۋاپات بولۇپتۇ، يەنە كېپەك لاۋۇر، ئابدۇلراھىم پەھلىۋان، ئۆمەر خوجا ئىشان، تۆرە قۇل لاۋۇر، مۇھەممەت ئەپەندى، خېلىل ئەپەندى قاتارلىقلارمۇ ئەمىرى لەشكەرلىك دەرىجىسىدە تۇرغان ئىدى.
ياساۋۇلبالار جامائەسىدىن كاتتا ئەمەلدار ۋە ئەمىرى لەشكەرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلەردىن تۇراپ خوجا ياساۋۇلبېشى دېگەن بار ئىدى. كېيىن ئۇ بىكار قىلىنىپ، ئورنىغا مۇھەممەت قاۋۇل بەك يۈز بېشىنى ياساۋۇل بېشى قىلدى، ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ناھايىتى قاۋۇل كىشى ئىدى. يايدى ئۇرۇشىدا ئوق تېگىپ ئۆلدى. يەنە كورلا ھاكىمى نىياز مۇھەممەت توقسابېيىنى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ داۋانچىڭدا قويدى، ھەيدەر قۇلى پانسەت، ئەشمۇھەممەت پانسەت باشلىق ئالتە پانسەتنى ئۇنىڭغا ھەمرا قىلدى. بۇلار خىتايلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، شاھادەتلىككە يەتتى. يەنە باتۇر ۋە ناملىق پانسەتلەردىن ئەزەم قۇل پانسەت دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ گۇمادىدا خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، بىرنەچچە يىگىتى بىلەن شاھادەتلىككە ئۇلاندى. كېرىم باي دادخۋا، كېرىم باي مىرزا، شىر مۇھەممەت پانسەتلەرمۇ ئاخىرىدا ئەمىرى لەشكەر بولدى. بۇلار ساق - سالامەت ئۆز يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. ھاجى ئارتۇق مىرزا بېشىمۇ پانسەت، ئەمىرى لەشكەر قاتارلىق مەنسەپلەردە بولغان، موللا پازىل قارى بولسا كېلىشكەن مۇنشى ئىدى.
يەنە ئۆزگە بېگلىرىدىن مەھمۇت بەك ئۆزگەنىچى بولسا چوڭ پانسەت، مۆمىن، دىندار، غەيرەت - شىجائەتتە بىگۇمان كىشى ئىدى. ئورا تۆپە بەگزادىلىرىدىن ئەلى بەك پانسەت، ۋەلىئۇللا پانسەتلەرمۇ كاتتا ۋە ياخشى ئادەملەر ئىدى. يەنە ئوبۇلقاسىم پانسەت، ئاسامىددىن پانسەت، ئالىم باي پانسەت، ئەيىت مۇھەممەت پانسەت، باقى بەك پانسەت، مىركېرىم قورچى، باي مۇھەممەت پاراش بېشى، قاشغەرلىق ئاخۇن پانسەت، نورۇز پانسەت قاتارلىق پانسەت، لاۋۇر، سەرجەڭگىلەر بولۇپ، ئومۇمەن ئالتە ئون كەمەر ۋە ئوقدانلىق پانسەت، ئەمىرايىلار ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئىدى.
ئالتە شەھەر ئادەملىرىدىن نىياز ھاكىم بەكنىڭ ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن بەك ئەمىرى لەشكەر ئىدى. تۇڭگان مادالويه، بېگى مۇسۇلمان خۇدالويهلەرمۇ ئەمىرى لەشكەر ئىدى. تۇڭگانى ۋە بېگى مۇسۇلمانلاردىمۇ بىرمۇنچە پانسەت، ئەمىرايى، يۈز بېشىلار بار ئىدى. ئاقسۇلۇق ئابدۇلراخمان دادخۋانىڭ ئوغلى ھاپىز بەك دېگەن پانسەت بار ئىدى. ئۇ موللا ۋە ئۆلىما بولۇپ، شۇ زاماننىڭ ئۆلىمالىرىدىن كەم ئەمەس ئىدى. ئىلىمى پەزىلەتلەردىن خالى ئەمەس ئىدى. دەسلىپىتە ئۇ دادىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، بىللە ھەج ئىسلامىنى ئادا قىلىپ كەلدى. بۇ يىلمۇ ھەرەم شېرىپ زىيارىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى. لېكىن پەلەك ۋەزىيىتى ھاپىز ھاجىنىڭ تەبىئەت - ئىدراكىلىرىگە مۇۋاپىق كەلمىگەنلىكى، زامانە ئادەملىرىنىڭ پېئىل ئەتۋارىمۇ ئۇنىڭ نۇرلۇق مىجەزىگە ياقمىغانلىغى تۈپەيلىدىن، ئۇ شەھەرنى تاشلاپ سەھرانى خالىدى. بىرنەچچە مۇددەتتىن كېيىن شەھەرنىڭ ئۇلۇغلىرى، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ، قازى كالانلىق مەنسىۋىگە تەيىنلىدى. ھازىرمۇ قازىلىق ئورنىدا تۇرماقتا. يەنە كۇچارلىق قادىر پانسەت دېگەن بار ئىدى. خىتايلار كەلگەندە ئاز ۋاقىت مەنسەپ تۇتتى، ئاندىن ھەرەم شېرىپ زىيارىتىگە سەپەر قىلىپ ۋاپات بولدى. بۇنىڭ زىكرى يۇقۇرىدا بايان قىلىندى. يەنە شەھيارلىق مەمۇر پانسەت دېگەن ئادەم خاقانى چىنى لەشكەرلىرى ۋە مەنسەپدارلىرى كەلگەندىن كېيىن، ئەمىرى ئىتائەتتىن چىقىپ، ئۆزبېشىمچىلىق قىلىپ، سۈننەت يولى ۋە رازىلىغىنى ساقلاپ، ھىجرەتنى ئىختىيار قىلىپ، بىرمۇنچە ئادەملىرى بىلەن كۆچۈپ ھەرەم شېرىپ زىيارىتىنى كۆزلەپ، شەھياردىن قوزغىلىپ، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئاۋات دېگەن جايغا كەلگەندە، زۇڭتۇڭ دارىن بىر كېچىدە لەشكەرلىرى بىلەن بېرىپ، ئادەملىرىنى تۇتۇۋالدى. مەزكۇر پانسەت بىرنەچچە ئادىمى بىلەن قېچىپ ياركەنتكە بارغاندا تۇتۇلدى. مەنسەپدارلار ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ، نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلىپ، “ئەمدى يەنە نېمە مەقسىدىڭىز بار” دېگەندە، ئۇ “ئاتالىق غازى بەرگەن نېمىتى ۋە قورال - ياراقلىرىمنى بەرسىڭىز، سىز چېرىكلىرىڭىز بىلەن بىر كاتتا ئوچۇق مەيدانغا چىقسىڭىز، ئۇ يەردە مەن چېرىكلىرىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆلسەم ھەۋىسىم بار، بۇنىڭدىن بۆلەك مەقسىدىم يوق” دەپتۇ، مەنسەپدارلارنىڭ غەزىپى كېلىپ، ئاممىغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ بېشىنى ئاقسۇ، كۇچارغا ئاپىرىپ شۆھرەت قىلدى. يەنە ئاقسۇلۇق مۇھەممەت ئاخۇن بىننى موللا رۈستەم دېگەن ئادەم بار ئىدى. بۇ جانابى ئالى بەدۆلەتكە يىگىت ۋە مەھرەم بولۇپ، ئۇ جانابى ئالىدىن زادى ئايرىلمايدىغان ياردەمچى ئىدى. ئۇ تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى ئۇرۇشلىرىدا جانابى ئالى بىلەن يەتتە يىل مىقدارى بىللە بولدى. ئۇ نەقلى ھېكايە ۋە خەۋەر قىسسىلەرگە ناھايىتى ئۇستا ئادەم ئىدى. ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى ۋە تۇرپان داستانلىرىنى مەزكۇر كىشىدىن يۈزمۇ - يۈز ئاڭلاپ، ئۇنى باشقىلارنىڭ دېگەنلىرىگە سېلىشتۇرۇپ تەھقىقلاپ، بۇ ۋەقە سەھىپىسىگە بېكىتتىم. چۈنكى، بىر كىشىنىڭ ھەممە جايدا ھازىر بولۇپ كۆز بىلەن كۆرۈشى ھەم ۋەقەلەردىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغانلىغى ھەممىگە ئەقىل ئىگىلىرىگە رۇشەن ۋە ئاشكاردۇر - ۋەسالام.
18
بۇ مەجمۇئە مۇئەللىپىنىڭ ئىسمى نەسەپلىرى، سەرگۈزەشتە خەۋەرلىرى قىسسەئى ئەپسانىلىرى ھەم ۋەقەلىرى بايانى
مۇۋەپپەقىيەتكە يېقىن يارەنلەر ۋە سادىق قىلىقلىق بۇرادەرلەرنىڭ ئوچۇق كۆڭۈللىرىگە رۇشەن ۋە يېقىن بولغايكى، بۇ كەمىنە موللا مۇسا ئىبنى موللا ئەيسا خوجا سايرامى زېرىدىن كەم ۋە بىئېتىۋار بىر ئەرز قىلىدۇكى، ئەڭ دەسلىپىتە يەنى بالاغەتكە يەتكەن دەسلىپىكى چاغلاردا، ئاتام مەرھۇم ئىلىم ئارزۇسى ۋە تەلەپىدە، مېنى كۇچارغا ئېلىپ بېرىپ، موللا ئوسمان ئاخۇنۇم ئەلەيھىررەھمىنىڭ خىزمىتىگە قويغان ئىدى. مەن بۇ جايدا بىرنەچچە يىل مەدىرىسىنىڭ تۇپرىغى، ئىلىم تالىپلىرىنىڭ دەپسەندىسى بولۇپ، تېخى ئەمدىلا توغرا بىلەن ناتوغرىنىڭ مەنىلىرىنى ئايرىپ ئاڭلىغۇدەك كۆچ - قۇۋۋەتكە يېتىشكە باشلىغان چاغدا، كۇچاردىكى تۇڭگانلار ئۇلۇغ خاننىڭ ئەمىرى ئىتائىتىدىن چىقىپ ئىسلام ئاچتى. بۇ كۈنلەردە بۇ ھەپىلىرىنى يازغۇچى - مەن سايرامدا ئىدىم. ئۈشتۈمتۈت كۇچار تەرەپتىن بۇزھانىدىن خېتىپ خوجام ۋە پەرزەنتى مەھمۇدىن خوجام ھەم موللا ئوسمان ئاخۇنۇملار ئىسلام شېرىپ ئاچماق ۋە ھەدىسىنىڭ “جەننەت قىلىچ سايىسىنىڭ ئاستىدا” دېگەن مەزمۇنى بويىچە شەرىئەت قىلىچىنى چاپماقنى نىيەت قىلىپ، ئاقسۇ تەرەپكە سەپەر قىلىپ، سايرامغا چۈشتى. كەمىنە مەنمۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۆز ئىختىيارىمغا قارىماي، بىللە ھەمرا بولۇپ، قارا يۇلغۇنغا كەلدۇق. ئاقسۇ ھاكىمى سەئىد بەكنىڭ باش بولۇپ، نۇرغۇن خىتاي چېرىگىنى ئېلىپ چىقىپ ئۇرۇشتى، باراۋەرلىك قىلالماي قاچتۇق. كەمىنە مەنمۇ بىرنەچچە ئادەم بىلەن موقۇر يولىغا كىرىپ، چۆل - جەزىرىلەر بىلەن كۇچارنىڭ يۇلتۇز باغ دېگەن كەنتىگە چىقتۇق. بۇ جايدىكىلەر كىيىم - كېچەك ۋە ئات - ئۇلاغلىرىمىزدىن ئايرىپ، مېنى خىتايلارغا تۆھپە - سوغا قىلىپ ئېلىپ بارماقچى بولدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنە كۇچارلىق خوجاملار ئادەم راستلاپ، ئاقسۇ تەرەپكە ماڭىدىغانلىغىنىڭ خەۋىرى ئاڭلاندى. ئۇلار بىزنى بوشاتتى. كۇچار ئادەملىرىدىن پىيادە ۋە يالغۇز كۇچار شەھىرىگە باردىم. كۇچار ئادەملىرىنىڭ قىياپىتىدىن گۇيا قىيامەتنىڭ ئەسىرى ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. پانا قىلغۇدەك بىرەر جاي - ماكانمۇ تېپىلمىدى. ئاخىرى مەۋلانا ئەرسىدىن ۋەلىئۇللانىڭ مازاراتلىرىغا باردىم. بۇ چاغدا موللا ئاللا يار ئاخۇنۇم ۋە موللا يۈسۈپ ئاخۇنۇملار مازارنىڭ بېغىدىكى خوجاملار ئەجدادىنىڭ ئاياقلىرىدا ئىتىكاپ نىيىتى بىلەن دۇئا - تەلەپ قىلىپ تۇرغان ئىكەن. مەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سەرگۈزەشتە ۋە ۋەقەلەرنى بايان قىلدىم، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يىگىرمە كۈنچە تۇردۇم. ئۈشتۈمتۈت مەھمۇدىن خوجام ئاقسۇ ئېلىنغانلىغىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېلىپ كۇچارغا كەلدى. ئۇ خوجاملار بىلەن كۆرۈشۈپ، تۆت - بەش كۈن تۇرۇپ ئاقسۇغا يانىدىغان بولدى. مەنمۇ بىللە ياندىم. سايرامغا كېلىپ نەزەر سالسام، يۇرتنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ جايدا تۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن، ئاقسۇغا بىللە كەلدىم. ئاندىن ئۇچتۇرپانغا باردىم، بۇ يۇرتلار ئاتالىق غازى بەدۆلەتكە تەۋە بولغىچە ئۇچتۇرپاندا ئۆمۈر كەچۈردۈم. بۇ ۋەقەلەر ئەۋۋەلقى داستاندا زىكىر قىلىنغان ئىدى. ئاندىن كېيىن جانابى ئالى بەدۆلەت ئاقسۇدا قويغان زاكاتچىنىڭ قول ئاستىدا مىرزىلىق خىزمىتىنى ئۆتەپ، ئۇ زاكاتچى بىلەن ئون بىر يىل بىللە ھەممەجلىس، ھەمتاۋاق ۋە ھەمپىيالە بولۇپ، خاتىرجەم ۋە تىنچ كۆڭۈل ئۆتتۈم. ئۆ قادىر ئاللانىڭ جالالىتى ۋە ئىرادە تەقدىرى بىلەن، ئۆزىمىز ئۆتتى.
ھازىر بۇ قەبرى ئاجىز ۋە باشتىن - ئاياققىچە گۇناغا چۆمگەن، ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بىچارە ئاقسۇ ئىچىنى جاي - ماكان تۇتۇپ، بىر بۇلۇڭدا دۇئا ۋە ئىلتىجا بىلەن پۇقرالىق كوچىسىدا ھەممىدىن خالى بولۇپ، پاك ھاياتلىق دائىرىسىدە ئۆمىرىمىز ئۆتۈپ تۇرۇۋېپتۇ - ئەڭ ئالى ماختاش ئاللاغا مەنسۇپتۇر!
ئەلقىسسە، مەن يۇقۇرىدا سايرامدىن بولىمەن دېدىم. ئەگەر سايرامنىڭ ۋەقە ئەھۋاللىرىنى ئېندەك بايان قىلمىسام، بۇ غېرىپ - بىچارە دىلىسىزنىڭ دىللىرى ئۆز جاي مەركىزىگە چۈشمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇۋا - ئەجداتلىرىمىز، ياشانغان باشقا قېرى دانا ئادەملەرنىڭ يۈزمۇ - يۈز ۋە ئىشەنچىلىك مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن ئىككى يۈز يىل ئىلگىرى ئىلىدا جۇراس (217) نەسلىدىن چىققان قۇنتەيجى دېگەن بىر مۇناپىق قالماق بۇ موغۇلىستان يۇرتىغا تۆرە بولۇپ، خان دەرىجىسى بىلەن چوڭ ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ شەرقىي ھۇدۇدى قۇمۇل، بالكۆل (باركۆل - ت)، شىمالى ھۇدۇدى كاتتا دېڭىز (بالقاش كۆلى - ت)، غەربى ھۇدۇدى تاشكەنت، چىمكەنت، سايرامغىچە، جەنۇبى ھۇدۇدى قاراڭغۇ تاغقىچە بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمى مۇشۇ دائىرىدە جارى بولغان ئىكەن. بىر چاغدا ئۇ ئۈشتۈمتۈت لەشكەر تارتىپ، تاشكەنتنىڭ سايرام دېگەن جايىنى بېسىۋېلىپ، ئەمىرى ئىتائىتىگە كىرگۈزۈپ، ئۆز ئورنىدا بىر قالماقنى چوڭ قىلىپ، يەنە نەچچە قالماقنى ئۇنىڭغا يارۇ - ھەمرا قىلىپ، ئۆزى چېگىرىسىغا يىققان كەلگەندە، سايرام ئەھلى ئىتائەتتىن چىقىپ ۋەقە قوزغاپ، مەزكۇر قالماقلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ پەرمانىدىن چىقىپتۇ. بىرنەچچە قالماق جېنىنى جايلاپ قېچىپ كېلىپ، قۇنتەيجىگە يېتىشىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، قۇنتەيجى ئىلىغا كىرمەي، ئۆزىنىڭ ئادەت رەسمىيەتلىرى بويىچە ئانت - قەسەمىياتلارنى تىلغا ئېلىپ، سايرامغا يېنىپ بېرىپ، بۇ جاينى ئىككىنچى قېتىم بېسىۋېلىپ، بىرنەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، تالان - تاراج قىلىپتۇ. بۇ چاغدا سايرام ئەھلى خوجا ئۇرۇغى، شاھ ئۇرۇغى، ئەمىر ئۇرۇغى دەپ ئۈچ قەبىلە ياكى ئۈچ ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئىكەن. قۇنتەيجى بۇ ئۈچ ئۇرۇقنىڭ ئەسىل ۋە كاتتىلىرىنى ئىلغاپ، ھەر ئۇرۇقتىن يىگىرمە ئۆيلۈكتىن ئاتمىش ئۆيلۈك ئادەمنى ئەھلى ئاياللىرى ۋە بالا - پەرەزەنتلىرى بىلەن ئاق ئۆيلۈك قىلىپ كۆچۈرۈپ، ئۆز يۇرتى ئىلىغا ئېلىپ كېلىپتۇ، بۇ جايدا بىر يىل ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇلارنى تۇرپانغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار تۇرپاندا ئىككى يىلچە تۇرۇپتۇ. بۇ كۈنلەردە قۇنتەيجى يوقلۇق ماكانىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ ۋە خاقانى لەشكەرى ئىلى بىلەن ئالتە شەھەرگە كەلگەنلىگى خەۋىرى ئاڭلاندى. بۇ ئاتمىش ئۆيلۈك ئادەم ئەمدى ئۆز يۇرتىمىزغا كەتسەك بولىدىكەن دەپ، ھەدىستە “ۋەتەننى دوست بىلگەنلىك ئىماندۇر” دەپ كۆرسىتىلگەندەك، ئۆز يۇرتىغا كېتىپ، قەۋمى قېرىنداشلىرىغا يېتىش ئارزۇ - ئىشتىياقى بىلەن تۇرپاندىن قوزغىلىپ، مۇزداۋانغا كەلگەندە، خىتاي چېرىگىنىڭ ئۇلۇغى ئۇچراپ؛ “سىزلەر نېمە ئادەم؟” دەپ سورىغاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەرزى ھالىنى بايان قىلىپتۇ. ئاندىن ئۇ خىتاي ئۇلۇغى شەپقەت يۈزىدىن “ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرى كەلدى، يوللار قالايمىقان، بۇ يۇرتلار تىنچىپ بولغىچە دىخانچىلىق قىلىپ كۈن ئېلىپ تۇرساڭلار” دەپ پانا - سەۋەپ كۆرسىتىپ، كېتىشكە جاۋاپ بەرمەي، ياقىرىق دېگەن جايغا ئېلىپ كېلىپ ئولتۇرغۇزۇپتۇ. ئۇلار بۇ يەردىمۇ بىرنەچچە يىل تۇرۇپ، ئاخىرى باي تەۋەسىگە بېرىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇ يەردىمۇ بىرنەچچە مۇددەت تۇرۇپ، يەنىلا كۆڭلى ئۇنىماي، تاغنىڭ ئاغزى ۋە كېرى جاي ئىكەن دەپ، ئوشبۇ سايرامغا بېرىپ توختاپ قاپتۇ. ئۇلار ئەسلى تاشكەنتنىڭ سايرام دېگەن جايىدىن كەلگەنلىگى ئۈچۈن، باشقىلار بۇلارنى سايرامى دەپ ئاتاپتۇ. ئاخىرى بۇ يۇرتلارمۇ خىتايغا قارايدۇ. ئۇ چاغدا بۇ يەتتە شەھەردە ئادەم ئاز، تېخى ئاۋات بولمىغان ۋاقتى ئىكەن. خىتاي مەنسەپدارلىرى بۇ سايرام خەلقىنى ئۆزىگە پۇقرا ۋە ئىتائەتمەن قىلىشنى نىيەت قىلىدىكەن.
بۇ چاغدا سايرامدا ئەمىرلەر ئۇرۇغىدىن بىر كىشى ئەمەلدارلىققا ئاشىق، مەنسەپكە جانپىدا ئىكەن. خاقانى مەنسەپدارلىرى ئۇ ئادەمدىن “بۇ ئادەملەرنى قانداق قىلسا، ئۇلار خانغا تەۋە بولۇپ، خىزمىتىنى قىلىدۇ؟” دەپ سوراپتۇ، ئۇ “بۇ ئادەملەر مېنىڭ سۆز ۋە بۇيرۇغۇمدىن چىقمايدۇ. ماڭا چوڭ مەنسەپ بەرسىڭىز، مەن ئۇلارنى ئۇلۇغ خانغا تەۋە قىلىپ بېرەي” دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. خىتاي مەنسەپدارى بۇنى ماقۇل كۆرۈپ خانغا مەلۇم قىلىپ، ئاقسۇ، كۇچارنىڭ ھاكىملىرى بىلەن ئوخشاش قىلىپ، ئۈچىنچى جەرەكەلىك مەنسەپ بېرىپتۇ. شۇڭلاشقا سايرامنىڭ ھاكىملىرى بۇرۇندىنلا ئاقسۇ، كۇچارنىڭ ھاكىملىرى بىلەن جەرەكە ۋە مەرتىۋىدە باراۋەر ئىدى. لېكىن ئۇلارغا قارىغاندا، پۇقراسى ئاز ۋە يۇرتى كىچىك ئىدى.
سايرامدىكى بۇ ئۈچ ئۇرۇق نەچچە ئەسىر يىللار مابەينىدە بىر بىرىگە ئارىلىشىپ، سېغىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مۇناسىۋەتتە يەنىلا ئۆزلىرىنى ئايرىم دەپ ھېسابلايدۇ. شاھ ئۇرۇغى دېگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نەسەپلىرىنى قەدىمقى كىيان پادىشالىرى (218) ۋە تاجدىك شاھلىرىنىڭ (219) نەسەپلىرىگە ئاپىرىپ باغلايدۇ، ئەمىر ئۇرۇغى بولسا ئىلگىرى يۇرت سوراپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتكەن ۋەزىرلەر، ئەمىرا ۋە ئەمىرلەر بىلەن نەسەپداش دەيدۇ. ئەمما خوجا ئۇرۇغى دېگەنلەر ئۆزىنى ئەلەۋىيلەر، (220) يەنى ئەلى كەرەمۇللا ۋەجەھۇ بىلەن نەسەپداش دەپ ھېسابلاپ، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بولىمىز دەپ ئىسپات قىلىپ پەخىرلىنىدۇ. كەمىنە مەنىكى مۇئەللىپ بۇ ئۈچ ئۇرۇغدىن بولىمەن. ئاتا - بوۋىمىزدىن قالغان خۇش مۇبارەك شەجەرىدىن ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، مەن ئۇنى تەۋەررۈك قىلىپ ساقلىماقتىمەن.
بۇ مۇقەددىمىنى يېزىشتىن مەقسەت ۋە تەلەپ شۇكى، ئەجەملەردىن ۋە مىللەتتە، ئۇلۇغ ئەشرەپلەر ئارىسىدا ياكى ئەرەپ، ئەجەملەر ئىچىدە، تۈرك، تاجىك، موغۇل تايىپىلىرىدە ئۆزىنىڭ نەسەپلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ھەر بىر تايىپە ئۆزىنى بىر قەبىلىگە نەسەپداش قىلىپ، بىر نەسلىگە باغلاپ كېلىپتۇ ۋە ئەجداتلىرىنىڭ ئۈستىخان - سۆڭەكلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىپ كېلىپتۇ. ھازىر خىتاي، قالماق، قىرغىز ۋە قىپچاقلار ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ نەسەپلىرىنى ساقلاش بىلەن تەڭ، پەرزەنت ۋە ئەۋلادلىرىنى ئاگاھ قىلىپ، نەسەپلىرىنى تەكىتلەپ ئۆگىتىدۇ. ھەر بىر قەبىلە ئۆز ئۇرۇغىنى ئىسپات قىلىپ، ئۇنى ئابروي دەپ بىلىپ، بىزدىلەر پالانى ئۇرۇغدىن بولىمىز دەپ پەخرى ئىپتىخار قىلىدۇ. مىللەت ۋە دىندىن بىگانىلارمۇ ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ ئۈستىخان ۋە ئىسمى - نەسەپلىرىنى بايان قىلىشىپ خۇرسەن بولىدۇ - بەس. شۇڭلاشقا كەمىنە مەنمۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ زىكرى نەسەپلىرىنى ئىزھار قىلىپ بايان قىلىشنى لازىم ۋە زۆرۈر دەپ تاپتىم.
مېنىڭ نەسەبنامەم بولسا، مەنىكى موللا مۇسا بولسا، موللا ئەيسا خوجانىڭ ئوغلى، ئۇ ئەزىزخان خوجانىڭ ئوغلى، ئۇ نىيازخان خوجانىڭ ئوغلى، ئۇ نىشان سۇلتان خوجانىڭ ئوغلى، ئۇ نىشان پادىشا خوجانىڭ ئوغلى، ئۇ نىشان شاھى جاھان خوجانىڭ ئوغلى، ئۇ نىشان غېرىپ شاھى خوجانىڭ ئوغلى، ئۇ نىشان سەئىد جالالىدىن بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ نىشان سەيىد جامالىدىن بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ نىشان سەئىد كامالىدىن بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئىبراھىم بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئابدۇلجاببار بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئابدۇلكېرىم بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئابدۇلمەجىت بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئابدۇلۋاھاپ بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئابدۇلەزىز بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئارسلان بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئىلىياس بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد مەھمۇد بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئىپتىخار بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئوسمان بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئۆمەر بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئىسمائىل بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئىسھاق بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئابدۇلكېرىم بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئابدۇلجېلىل بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئابدۇلرەھىم بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئابدۇلرەھمان بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئابدۇلجەببار بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئابدۇلفەتتاھ بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئىمام مۇھەممەت ھەنىپەنىڭ ئوغلى، ئۇ ئەلى كەرەمۇللا ۋەجەھۇنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاللا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولغاي! بۇ شەجەرەئى مۇبارەك بولسا، سەھەر قەنت ۋىلايىتى ئەبەيدۇللاخان غازى (221) زامانىدا، يەنى تارىخ ھىجرى توققۇز يۈز قىرىق بەشىنچى يىلى (مىلادى 1538 - 1539 - يىلى - ت) ئالاھىدە يېڭى تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇ زاماندىكى ئۆلىمائى ئەززەملەرنىڭ مۆھىرى كىبرەملىرىنى بېسىپ بېكىتىپ، خاننىڭ يارلىق مۆھۈرى ۋە ئىمزاسى بىلەن توغرىلاپ ۋە زىننەتلەپ، سەئىد كامالىدىن بابىغا مۆھۈرلۈك ئالتۇن نىشان بىلەن قوشۇپ بەرگەن ئىكەن. بۇ ھازىرمۇ مەۋجۇت. تەۋەررۈك ئۈچۈن، بۇ ئالى يارلىق نىشاننى ئۆز ئەينى بويىچە يېزىپ بېكىتتىم.
ئالى يارلىق نىشانى
ئەبۇلغازى ئەبەيدۇللاخان سۆزىمىز، ئەزىر كامگار ① قېرىنداشلار بىرلى جۇۋان ② بەختى بەردخوردار ③ پەرھىزكار ۋە ئالى مىقدار بەكلەر بىرلى دىيانەت ئاسار سەدىرلەر ④ ۋە باشىشۋار ⑤ ۋەزىرلەر بىرلى ئامانەت شۇئار ۋەكىللەر ئەلا ئەلغۇسۇس سايرام ۋىلايەتىنىڭ ھاكىمى ۋە سەججادە نىشىنلىرى ⑥ ۋە ماشايىخى قۇززات، مەدرىسە دانىشمەندلىرى ۋە يۈز بېگى، ئون بېگى ئەربابى كالانتىر⑦، خوجاشىرىك رەئىيەت ⑧ ئايماق، ئايماق ۋە كەنتنىڭ ئۇلۇغ كىچىك تۈرك، تاجىك، كەدخۇدا ساكىن ⑨ مۇئەتەۋەتتەنلا⑩رىغە مەلۇم بولسۇنكىم، ھەممەكى ھىممەت شەرىئەت ئايىن ⑪ ۋەتەمامى نېئمەت سائادەت قەرىنىمىزدىن ⑫ ئىسلامى شېرىق راۋاجى ۋە رەۋنەقىغە ھەزرىتى سەيىدىلئىنىس ۋە لەجىن ئەفزەلۇسسا لاۋات ۋە ئەكەمىلىسلام ⑬ مىللەت شەرىئەتىنىڭ تەقەۋۋىيەت ⑭ ۋە تەمەشىدخىە ① مەسىرەف ② ۋە مۇتەۋەججە ③ بولغانى ئۈچۈن، سايرام تۈمانىنىڭ ④ سەججادە نىشىنلىك مەنسەبىن ئالى جاناب ۋە مۇتە ئالى نىساب ⑤ ۋە كامالەت ئىكىساب ⑥ تەئبىرى ئەكابىرى ئەززام⑦ نەھمە - تۇل ⑧ مەشايىخ ئىكرام كامالىددىن بابى سەيىدىمنى شەيخۇل ئىسلاملىققا مۇسەللەم ⑨ تۇتۇپ سۆيۈرغادۇق. ئەمدى بۇ نىشانە ئالىنى كۆرگەچ ئالىجاناپ مۇشارىلىلا ⑩ نى شەيخۇلئىسلام ۋە مۇقتىدا ⑪ بىلىپ، بۇ ئالى مەنسەبگە تەئەللۇق ئىش كۆرگەچ، ئالىجاناپقا رۇجۇئ⑫ قىلىپ، ئىززەت ۋە ئىكرامىنى لازىم بىلىپ، ھېچكىمەرسەنى بۇ مەنسەپتە ئۇلارغە شېرىك بىلمەسۈنلەر ۋە ھېچ ئافرىدە ⑬ ئۇلارنىڭ مۇھىماتىغە ⑭ دەخلى قىلماسۇنلەر ۋە شەرىئەت مائابى ① قازى فەرىدۇن بىر تۈزگە قازىلار ئالىجاناپ مۇشارىللانى مۇقەددەم بىلىسۈنلەر ۋە خۇتۇت ② ئۇلارنىڭ تەۋەققى 3 ۋە مۆھىرى كىراملارىغە يەتكۈرسۈنلەر. يارلىقغىدىن خىلاپ ئەتمەسۈنلەر ۋە ھەففاز ④ ئىمام، مۇئەززىن ۋە خەيىر بۇقئەلەرنىڭ ⑤ مۇجاۋۇرۇ مۇتەدىسىلىرى ⑥، ئالىجاناپنىڭ سۆزۈ مەسلىھەتىكىم شەرئى شېرىفغە مۇۋاپىق ۋە مىللىتى زەھراغا ⑦ مۇتابىق ⑧ بولغۇسىدۇر، چىقماسۇنلەر. مۇمىددى ⑨ مۇئاۋىن بولۇپ ئەكرەم ⑩ ۋە تەئەززىمىنى بەجا كەلتۈرۈپ، تەخالىپ ⑪ ۋە تەمەررۈد ⑫ قىلماسۇنلەر. بەل سالۇنىكى ⑬ نىشانە ئالماسۇنلەر ۋە فەرۋانەچى تىلىمەسۈنلەر ۋە ئول جاناپنىڭ شەك - شىكايەتىنى تابىغايەت مۇئەببەسەر ⑭ بىلىسۈنلەر. ئوسال ۋە تەقسىر ⑮ بولماسۇنلەردەپ ئات يىلى سەفەر ئايىندە تارىخ توققۇز يۈز قىرىق بەشتە (مىلادى 1538 - يىلى 6 - ئايدا - ت) سەمەرقەنت بەلدەسىدە① مۆھۈرلۈك نىشانە پۈتۈلدى - ۋەسالام. 945 (مىلادى 1538 - يىلى - ت)”
بۇ ئىلگىرى ئۆتكەن ئادەم ناملىرىنى ۋە كونا تۈزۈپ كەتكەن يارلىقنى بۇ ۋاراق ئىچىگە مۇندەرىجە قىلىپ تىزىشتىكى سەۋەپ شۇكى، بۇ ئۆتكەنلەرنىڭ شەرابىتى ۋە خانلارنىڭ تەقدىم قىلغان يارلىق نىشانە ئىشارىتى بىلەن، بۇ سەھىپە پارچىلىرىمۇ شەرەپكە ئىگە بولۇپ، قاتارغا كىرىپ قالارمىكىن دېگەنلىكتىن ئىبارەت. شۇنداقلا بۇنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغانلارنىڭ بۇ يارلىق ئالىنى تەقدىم قىلغان ئەزىز ۋە مۇبارەك خانلار ھەققىدە دۇئا ۋە فاتىھە قىلىشقا سەۋەپ بولارمىكىن دېگەن تەلەپ ۋە مۇددىئادىن باشقا تەلەپ ياكى غەرەز بۇ كەمىنە مۇئەللىپنىڭ دىلىدىن ھېچقاچان يول تاپقان ئەمەس.
تارىخ كىتابلىرىدا ئوچۇق بايان قىلىنىشىچە، خان ، خاقان، پادىشا، سۇلتان ياكى ئەمىر بولۇش ئۈچۈنمۇ بۇ نەسەپ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ كەلگەن. تارىختىكى ئادەملەر ھەر قانداق زامان ياكى چاغلاردا نەسەپ ئادەتلىرىگە ھەدددىن زىيادە رىئايە ۋە مۇبالىغە قىلىپ، ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ نەسەپ ئاساسلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۆزلىرىگە ئوبدان پادىشا كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەمىرى - پەرمانلىرىغا بوي سۇنۇپ ئۆتۈپتۇ ۋە ئۆمۈرلۈك ئىگىسى، ھاكىملارنىڭ ھۆكۈمران سۇلتانى بولغان ئاللانىڭ پەزلى ئىنايىتى بىلەن، ئۇ پادىشالار بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەتكە ۋە ئىززىتى ھۆرمەتكە يېتىپتۇ. ئەگەر بۇ ئاتالمىش پادىشالارنىڭ پۇقرا، خالايىق ئىچىدىكى بىرەر كەمىتەر پۇقراسى خىزمەت كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ نەزەرلىرىدىن بىر قېتىم ئۆتمەكلىك بىلەنلا، ئۇلارغا شاھانىلىق ئىلتىپاتلارنى ئاتا قىلىپ، ئايلىق ۋە يىللىق - مائاش ۋەزىپە، كۈلۈپىلىرىنى تەيىن قىلىپ بەلگىلەپ ۋە مائاشتىن - ئەۋلاتقىچە ۋە ئەسىردىن - ئەسىرگىچە جۈلدۈ - جاساقلىق مەنسەپ، ئۆي، تارخانلىق دۆلىتىگە ئىگە قىلىپ، يارلىق ۋە نىشان بېرىدىكەن. كېيىنكى خانلار، پادىشالارمۇ خىزمەت كۆرسەتكەن بۇ ئادەملەرنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ئىزدەپ سوراپ، ئۇلارغا ئەجداتلىرىنىڭ مەنسەپ ۋە ئايلىق - ۋەزىپىلىرىنى يەنە ئىنئام ۋە ئېھسان قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى مەمنۇن ئېتىپ، ئورنىنى كۆتۈرۈپ، نەچچە يىلدا بىر قېتىم دەرگاھى بارگاھىغا ئېلىپ بېرىپ، كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىمتىياز ۋە ھاجەتلىرىدىن چىقىدىكەن.
ئەي پادىشالارنىڭ پادىشاسى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ھۆكۈمرانى، ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى، ھەقىقى پادىشالىق پەقەت ساڭىلا تېگىشلىك ۋە خاستۇر. ئۆز قەدىمى ئىلمىڭ بىلەن مەخلۇق ۋە بەندىلىرىڭدىن بەزى ئىنساننى ئىلغاپ، ئۆز ئىلتىپاتىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۇلۇغ دۆلەت ۋە كاتتا دەرىجە مەرتىۋىسىنى ئاتا قىلىپ، ئورنىنى كۆتۈرۈپ، يۈكسەك دەرگاھى بارگاھىغا يېقىنلاشتۇرساق ۋە ئۇنداق بەندىلىرىڭگە بىرەر سەۋەپ قىلىپ، ئەۋلاتتىن - ئەۋلاتقىچە، ھەتتا ئىنفىدازى ئالەمگىچە ئۆز كامالى قۇدرىتىڭ بىلەن، ئۇلارنى بۇ دۇنيادا توغرا يولغا سېلىپ، راستلىققا باشلاپ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى چوڭ - كىچىك گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۆزۈڭنىڭ يىگانە جاھانۇ جامال سۈپەت ۋە كامالىتىڭنىڭ دۆلەت شەرابىتىگە مۇيەسسەر قىلساق ۋە كەمىنە مەنى مۇئەللىپنىمۇ ئۇلارنىڭ دائىرىسى ۋە دەرىجىسى قاتارىدا ھېسابلاپ، ئۆتكەنكى ۋە كېيىنكى خاتالىرىمىغا قەلەمىنى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋە كېچىرىم قەلەملەر ئاشىلىرى بىلەن گۇناھلار چېكىتلىرىنى تاراشلاپ، ئۇنى ياخشىلىققا ئايلاندۇرۇپ، لايىق دەرگاھىڭغا يېقىنلاشتۇرساق، بۇ سېنىڭ ئەزىمەت دەرگاھىڭدىن ھېچبىر يېتىشمەيدىغان ۋە ئاجايىپ نەرسە ئەمەس. “ئاللا بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى ياخشىلىققا ئايلاندۇرغۇچىدۇر”، “ئەي ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى، رەھىمدىللىكلەرنىڭ رەھىمدىللىگى، سەن بولساڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇرسەن” - ۋەسالام.
19
فەغفۇرچىننىڭ بۈيۈك ئىتائەت يارلىغى بويىچە كاتتا مەنسەپدارلىرىنىڭ بۇ يەتتە شەھەر زېمىنى بەلكى موغۇلىستان تەۋەسىگە ئىككىنچى قېتىم ئىستىلا قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۈلكى مىراسىغا يەنە ئىگە بولغانلىغى ۋەقە - ئەھۋاللىرىنىڭ بايانى
ئىپتىخارلىق ئەزىز دوستلار ۋە خۇش لەززەتلىك ئالى مۇقتار بۇرادەرلەرنىڭ قەلبى ئىزھارلىرىغا رۇشەن ۋە ئېتىۋار بولغايكى، بۇنداق قىسسە، ئەپسانە ۋە خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خاقانى چىنى ئىقلىمىنىڭ خاقانى داۋگۇاڭ (222) زامانىدا، خاقانى مەملىكىتىنىڭ تەۋەسى ناھايىتى تىنچلىق، مەمۇرچىلىق بىلەن ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىمۇ ئامانچىلىق بىلەن ياشىغان ئىكەن. ئۇ ئوتتۇز ئىككى يىل (223) ھۆكۈمران بولۇپتۇ. ئاندىن كېيىن شەنفېڭ خان ئون ئىككى يىل (224) خان بولۇپ ئۆتۈپتۇ. بۇ كۈنلەردە جەھەن مۇزا دېگەن تايىپىلەر خانلىق تالىشىپ، جەڭ - جېدەل پەيدا قىلىپتۇ. ئاندىن تۇڭجىرخان (225) تەختكە چىقىپتۇ. بۇ خان تەختكە چىقىپ يەتتىنچى يىلى (226) يەتتە شەھەردىكى تۇڭگانى تايىپىلىرى باش كۆتۈرۈپ، ئىتائەتتىن چىقتى. بۇ ۋەقەلەر مەزكۇر كىتابنىڭ مۇقەددىمە ئاخىرىدا بايان قىلىندى.
تۇڭجىر خان دەۋرىدە خاقانى چىننىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلار ناھايىتى پاراكەندە بولدى. خان قۇرئەنداز - پالچى، مۇنەججىم - يۇلتۇزشۇناسلارنى ھازىر قىلدى. خاننىڭ تەلەپىنى سىناپ، يۇلتۇزلارنىڭ پالغا چۈشكەن ئورۇن ۋە دەرىجىسىنى مۇلاھىزە قىلىپ، يۇلتۇزلارنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە يۆنۈلۈشىنى تەكشۈرۈپ، سىناقلارنى قىلىپ، “بۇ ئۇلۇغ خان خانلىقنى بېرىپ، يەرنىڭ ئاستىغا كىرمىگۈچە، خاننىڭ يۇرتىدىن يامانلىق ۋە شۇملۇق زادىلا كۆتۈرۈلمەيدۇ. پەلەكنىڭ ۋەزىيىتى ۋە يۇلتۇزلار كۆرسەتكەن دەلىللەر دىن بۇنى كۆرگىلى بولىدۇ”، دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. خان پالنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ، ئۆز پايتەختىدىن بىر پوتەي يىراقلىقتىكى ئەجداتلىرىنىڭ گۆرىستانلىغىغا بارىدىغان بىر لەخمە كولىتىپ، يول پەيدا قىلىپ، خانلىقنى ئوغلى، يەنى خانزادىلەر بولغان گاڭشۈي (227) دېگەنگە بېرىپ، باشلىرىنى چۈشۈرۈپ يەرەھمەن (228) شەكىلگە كىرىپ، “ئەمدى مېنىڭ يەر يۈزىدە يۈرۈشۈم ھارام بولدى” دېگەن ئەقىدىسى بىلەن يەر ئاستىغا كىردى ۋە بۇ گۆرىستانلىقتىن چىقمىدىمۇ، كىشىگە كۆرۈنمەيدىغان بولدى” دەپ ھېكايە قىلىدۇ. پايتەختتىن گۆرىستانلىققا بارىدىغان بۇ لەخمە ئىلگىرىكى خانلار زامانىدىن باشلاپلا بار ئىدى. ئەگەر ھەر قانداق چاغدا يۇقۇرىدەك ۋەقە يۈز بەرسىلا، خانلار ئەنە شۇنداق قائىدە - يوسۇنلارنى قىلاتتى دەيدۇ.
لېكىن، گاڭشۈي خان تېخى كىچىك بولۇپ، ئۈچ ياشتا ئىدى. جۇڭتاڭ زۇڭدۇڭلىرى (ئوردا ئەمەلدارلىرى ياكى باش ۋەزىرلەر - ت) ئۆز قائىدە ۋە نالايىق ئەقىدىلىرى بويىچە ئاسماندىن بىر ياش تىلەپ ئېلىپ خانغا بېرىپتۇ. خان تۆت ياشلىق بولۇپتۇ. زېمىندىن بىر ياشنى تىلەپ ئېلىپ خانغا بېرىپتۇ. خان بەش ياشلىق بولۇپتۇ. ئانىسى بىر ياش بېرىپتۇ، خان ئالتە ياش بولۇپتۇ. جۇڭتاڭ زۇڭدۇلىرى باشلىق ئەمەلدارلار بىر ياشنى تارتۇق قىلىپتۇ، يەتتە ياشقا كىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خانىمىز يەتتە يېشىدا تەختتە ئولتۇردى دەپ ئەقىدە ئېتىۋار قىلىدىكەن. لېكىن، ئانىسى قۇچاققا ئېلىپ ئولتۇرۇپ، خانلىق ھۆكۈمىنى جارى قىلىدىكەن دەيدۇ. بۇ رىۋايەتنىڭ راستلىغىغا پەقەت رىۋايەتچىنىڭ ئۆزىلا ھۆددىدە قىلىدۇ.
ئىنتىزاملىق ۋە ئادالەتلىك بۇ زاماندا، يەنە قۇرئەنداز مۇنەججىملەرنى ھازىر قىلىپ، قۇرئە تاشلاپ، خاننىڭ تەلەيىنى كۆرۈپ، ئاتا - ئادىمىزان، ئۈسۈملۈك - ناباتاتلارغا شاھىت يۇلتۇزلارغا نەزەر سېلىپ، ئۇلارنىڭ ۋاقىت ۋە ئورنىنى مۇلاھىزە - سىناق قىلغاندىن كېيىن “ھازىر ئۇلۇغ خاننىڭ يۇلتۇزى ناھايىتى يۇقۇرى دەرىجە ۋە مەرتىۋىگە چىقىپتۇ. تەلەيى ئوڭ ۋە ئۈستۈن ئىكەن، دۈشمەنلىرىنىڭ يۇلتۇزى تۆۋەنلەپتۇ. يۇرتى تىنچ، پەلەك ۋەزىيىتىنىڭ دەلىللىشى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا، ئەجداتلىرىنىڭ مۈلكى مىراسى يۇرتلىرى يەنە ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭ قول ئاستىغا كىرىپ تۇرۇپتۇ. شۇڭلاشقا، ھەر قانداق تەرەپكە چېرىك ماڭدۇرسا، جەزمەن غەلىبە قىلالايدۇ” دېگەن مەزمۇندا ئەرز مەلۇم قىلىپتۇ.
بۇ چاغدا جۇڭتاڭنىڭ لى خۇڭجاڭ (229) باشلىق ۋەزىر، باشقا كاتتا ئەمەلدارلىرى ئۇلۇغ خانغا قاراپ “غەرب تەرەپتىكى لەنجۇسىپىڭ قاتارلىق كۆپ شەھەرلەرنى تۇڭگانلار ئىگىلەپ غالىپ بولۇپ، يۇرت، پۇقرالارنى خاراپ ۋە ۋەيران قىلىپتۇ. ئىلىخۇنى ئورۇسىيەلەر ئىشغال قىلىپتۇ. نەنجىلۇ باچىگىدىكى (جەنۇبى ئالتە شەھەر جەدىتۇلارغا (ئاق داستارلار ياكى مۇسۇلمانلار - ت) غەرب تەرەپتىن ئادەم كېلىپ پادىشا بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلەتلىرىدە بۇ تەرەپتىكى دۈشمەنلەر يوق بولدى. قەدىمقى زاماندىن بۇيان ئۇلۇغ خانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ۋە قول ئاستىدا بولۇپ كەلگەن غەرب تەرەپتىكى يۇرتلارغا چېرىك ئەۋەتىپ، ئۇ جايدىكى ئوششاق پۇقرالارنى يوقلىساق” (230) دەپ مەلۇم قىلىدى. ئاندىن ئۇلۇغ خان “ئانداق بولسا چېرىك بېرىپ، مەزكۇر شەھەرلەرنى تېپىپ ئالسۇن، ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشقا چىقسا ئۇرۇشۇپ ئالسۇن، ئۇرۇشماي ئەل بولغانلىرىنى يۇرت قىلسۇن، ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن قالغان بىر غۇلاچ زېمىنىمنى بىر مىڭ چېرىك يوق بولغىچە ئۇرۇشۇپ ئېلىپ، دۈشمەندىن خالى قىلسۇن، مەن بولسام ئۇلۇغ خان، ئوششاق پۇقرالىرىمنىڭ گۇناسىدىن ئۆتۈپ ئەپۇ قىلدىم” دەپ كەڭچىلىك قىلىپ يارلىق قىلدى. جياڭ جۈنچۇڭنى (231) قىرىق مىڭ چېرىك بىلەن ئىلىغا بۇيرۇدى، لوشى دارىننى يىگىرمە بەش (مىڭ) چېرىك بىلەن نەنجىلۇ باچىگغا بۇيرۇدى. نۇسرەت ئەسەرلىك بۇ مەنسەپدارلار غەلىبە ئەسەرلىك چېرىكلەر بىلەن لەنجۇ سېپىڭغا كەلگەندە، لەنجۇ سېپىڭنىڭ زۇڭدۇسى زۇڭتۇڭ دارىننى (232) يىگىرمە مىڭ چېرىك بىلەن لوشى دارىنغا قوشتى.
ئەلقىسسە، ئاڭلىماق كېرەككى، تۇڭگانلار فەغفۇرچىننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، ئۆز ئىچىدىن ماخالۇڭ دېگەن ئۇلۇماسىنى خان كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالەمىدە يارلىق ھۆكۈملىرىنى جارى قىلدى. بۇ ۋەقەلەر يۇقۇرىدا مەزكۇر كىتابنىڭ مۇقەددىمە ئاخىرىدا بايان قىلىندى. مەزكۇر ماخالۇڭ يوقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باتۇرلىرىدىن داخو، شوخو دېگەن داڭلىق ئىككى باتۇر تۇڭگانلارغا باش بولۇپ، خىتاي ئەھلى بىلەن ئۇرۇشۇپ، بەزىدە غالىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ، قېچىپ يۈرۈپ، لەنجۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەر ۋە سەھرايى كەنتلەردە، ئون يىل، بەلكى ئون ئىككى يىلغىچە خىتايلارنى بۇلاپ-تالاپ ئۆتكەن ئىدى. (233) بۇ چاغدا ئۇلار تۇڭگان خاننىڭ يارلىغى بىلەن مەزكۇر چېرىكلەرنىڭ لەنجۇغا كېلىپ ئورۇنلاشقانلىغىنى ئاڭلاپ، بۇ جايلاردىمۇ تۇرالماي، قۇمۇلغا چىقىپ، ئىككى ئايچە تۇرۇپ، قورقۇپ ئەندىشە قىلىپ، قۇمۇل ئەھلىنىمۇ قورقۇتۇپ، زورلۇق بىلەن چوڭ-كىچىك ئون مىڭغا يېقىن ئادەمنى ھەيدەپ تۇرپانغا چۈشتى. بۇ ۋەقە بايان قىلىنغان ئىدى.
بۇ كۈنلەردە تۇڭگان خاننىڭ چېرىكلىرى قۇمۇلغا كەلدى. چىڭ جاڭجۈن لەشكەرلىرى بىلەن شىخۇغا قاراپ ماڭدى. لۇشى دارىن قۇمۇلغا جايلاشتى. زوڭتۇڭ دارىن گۇچۇڭغا كەلدى. (234) ئۇ تۇرپان تەرەپكە ئاتلىنىدىغان بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە، ئاتالىق غازى بەدۆلەت ئوتتۇز مىڭ لەشكەر ۋە توپخانىلىرى بىلەن تۇرپانغا كېلىپ چۈشتى دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەندىشە قىلىپ، لەنجۇنىڭ زۇڭتۇڭىغا “لاۋ پادىشا ئوتتۇز مىڭ چېرىگى بىلەن ئۆزى باش بولۇپ، تۇرپانغا كېلىپ چۈشۈپتۇ. كۈچ-قۇۋۋىتى ئارتۇق، قورال-ياراغلىرى تولا، ئادەملىرى باتۇر ۋە ياماندەك مەلۇم بولىدۇ. يەنە بىرمۇنچە چېرىك ياردەم ئىلتىپاتى بولسا” دېگەن مەزمۇندا ئەرز ئەۋەتتى. زۇڭتۇڭ گۇڭزۇڭبو ئەرزنى كۆرۈپ، “مەن ئۆزۈم ئاتمىش مىڭ چېرىك بىلەن ئاتلاندىم، ئەندىشە قىلماي مەقسەت، مۈددىئا تەرەپكە قەدەم قويغايسىزلەر” دېگەن مەزمۇندا يارلىق كەلدى. مەنسەپدارلار ۋە چېرىكلەردە قۇۋۋەت ۋە شىجائەت پەيدا بولۇپ يولغا چىقتى. ئۇلار قۇمۇلدا ئون ئايغىچە تۇرغاندۇر، ئاندىن ئۈچى دارىن چوڭ يول بىلەن تۇرپانغا كىردى. زوڭتۇڭ دارىن ئۈرۈمچى ماناس يولى بىلەن تۇرپانغا كىردى. بۇلار تۇرپاندا توققۇز ئايغىچە تۇرغان بولسا كېرەك. ئاندىن ئۇلار ئاتلىنىپ كورلىغا چىقتى. ئۇلار كورلىدىن چىققانچە داخو، شوخولارنى قوغلاپ ۋە تۇڭگانلار مۇسۇلمانلارنىڭ مال-جانلىرىنى بۇلاپ-تالاپ ۋەيرانچىلىق قىلمىسۇن ھەم ئۇلار بىر جايدا توختاپ، پۇقرالارنىڭ جانلىرىغا قول ئۇزارتمىسۇن دېگەن ياخشى نىيەت ۋە ئوبدان كۆڭلى بىلەن، يىگىرمە كۈنلۈك يولنى ئون ئىككى كۈندە بېسىپ، كورلىدىن ئاقسۇغا كەلدى. داخو، شوخولارنىڭ كۆڭلىگە ئالەمى غايىپتىن بىر ۋەھشەت-قورقۇنچ سالدى. ئۇلار ھېچقانداق يەردە ئارام ئېلىپ تۇرالماي، قاچقانلىرىچە شەھەرلەرگىمۇ كىرەلمەي، كۆزى كۆرگەن ۋە قولىغا چىققانلىكى نەرسىلەرنى بۇلاپ-تالاپ ماڭدى. داخو ئۈچ-تۆت يۈز ئادەملىرىنى باشلاپ، قاچقان ئىزى بىلەن قەشقەرگە كىردى. شوخو ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ، چوڭ يول بىلەن قەشقەرگە كىردى. زوڭتۇڭ دارىن ئاقسۇغا كەلدى. بۇ تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى، يەنى ئات يىلى ماھى شەۋۋالنىڭ ئون يەتتىسى چارشەنبە كۈنى (مىلادى 1877-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى-ت) قەۋس پەسلى ئىدى. بۇلار بۇ جايدا قىرىق كۈنچە تۇرۇپ، ئاندىن زوڭتۇڭ دارىن (235) چوڭ يول بىلەن قەشقەرگە ئاتلاندى. لاۋ يېڭ ئاۋچۇ (236) ئۇچتۇرپانغا بېرىپ، قاچقان ئىزى بىلەن قەشقەرگە باردى. زوڭتۇڭ دارىن بىلەن لاۋيېڭ ئاۋچۇ ئىككىسى قەشقەرگە بىر ۋاقىتتا كىردى. دۇڭ دارىن بولسا چېرىكلىرى بىلەن يەكەنگە ماڭدى. بۇ قارا چېرىكلەر قەشقەرگە كىرىشى بىلەن، مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى ئۆزىنى پەرغانە تەرەپكە ئالدى. دۇڭ دارىن يەكەننى بېسىۋالدى، خوتەنمۇ تەۋە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەتتە شەھەر، بەلكى موغۇلىستان يۇرتىغا غەپۇرچىنى مەنسەپدارلىرى ئىگە بولدى. ئىسلام نۇرىنىڭ شولىسىنى بۇ زۇلمەتلىك بۇلۇت خىرە ۋە قاراڭغۇ قىلدى. خۇددى ھەدىستە “ئىسلام غېرىپلىق ھالەتتە باشلانغان، ئۇ يەنە غېرىپلىق ھالەتكە ياندى” دېگەندەك ئەھۋال پەيدا بولدى.
داخو، شوخولار باشلىق تۇڭگانلار قەشقەرگە بېرىپ، بېك بەچچىگە ھامى بولۇپ، خۇدالىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان بىر چاغدا، قارا چېرىكلەر يېتىپ كەلدى. داخو، شوخولار چاقماق قاراۋۇلى ئارقىلىق ئورۇسىيە ئىچىگە قاچتى. لېكىن شوخونىڭ بىرمۇنچە يىگىتلىرى خاقانى چېرىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ يوق بولدى. داخو قىرىق مىڭغا يېقىن تۇڭگانى بىلەن ئورۇسىيە ھىمايىسىگە يەتتى. ئاق پادىشا ئۇلارنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ قاتارىدا يەر، سۇ ئىنئام قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا باي، دۆلەتمەن ھەم ۋەلى نېمەتلىك بولۇپ خاتىرجەم بولۇشتى.
لېكىن تۇڭگان خاننىڭ زەپەر ئەسەرلىك چېرىكلىرى تۇرپاندىن چىقىپ قەشقەرگىچە بولغان جايلارنى قولىغا كىرگۈزگىچە، بىرەر ئادەم ئۇلارنىڭ يولىنى توساپ ئوق چىقارمىدى. بەلكى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ مۆتىۋەرلىك ئەيانلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئىززەت-ئىكراملىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، قولىدىن كېلىدىغانلا خىزمەتكارچىلىغىنى كۆرسەتتى. لېكىن، خاقانى مەنسەپدارلىرى ھەر قايسى شەھەرگە كىرگەندە، “يامان ئادەملەر بولسا بىزگە چىقىرىپ بېرىڭلار، بىز ئۇلارنى ئىبرەت ئۈچۈن تىغ سىياسىتىدىن ئۆتكۈزىمىز” دەپ يارلىق قىلدى. لېكىن يۇرت ئۇلۇغلىرىنىڭ، “ئەسلى ياخشى ئەربابلار ۋە يامان ئادەملەر ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ قورقۇپ، تاغ-ئورمان-غارلارغا قېچىپ كېتىشتى. ئوبدان ئادەملەر ئۆز جاي-ماكانلىرىدىن قوزغالماي ئولتۇرۇپتۇ” دېگەن گەپلىرىنى ماقۇل تۇتتى. مۇبادا “يامان ئادەم مۇشۇ” دەپ مەلۇم قىلىنسا، ئۇلارنىڭ جازاسىنى بەردى. لېكىن، ئۆزىچە بىرەر ئادەمنى ياخشى ياكى يامان دېمىدى. مەيلى مۇجاۋۇر ياكى مۇساپىر ۋە ياكى پۇقرا ياكى ئەسكەر بولسۇن، ئۇلارغا ھېچقانداق دەخلى قىلمىدى. بەلكى “تىنچ بولۇپ پۇقراچىلىق قىلىڭلار، ئوبدان بولۇپ، كۆڭلۈڭلارنى يامان قىلماڭلار، تۇڭگان خان سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى گۇنايىڭلارنى ئەپۇ قىلىپ يارلىق چۈشۈرگەن” دەپ، ھەر قايسى شەھەر ۋە سەھرايى كەنتلەرگە گۈڭگى خەتلىرىنى چاپلىدى، چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەم بۇنى ئوقۇپ خاتىرجەم بولدى. ئاندىن كېيىن، قەشقەرگە مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىمنىڭ ئوغلى مىرزا ھامتاچى بېگىمنى ھاكىم قىلدى. كۇچارغا يۈسۈپ شاڭ بېگىنى، ئاقسۇغا قاسىم قازىبېگىنى، باي-سايرامغا مۇھەممەت توختى بېگىنى، ئۇچتۇرپانغا ئالائىددىن بېگىنى، خوتەنگە ئەھمەت مۇراپ بېگىنى، يەكەنگە توختى نىياز يۈز بېشىنى ھاكىم قىلدى. چۈنكى، بېك بەچچە خوتەننى بوي سۇندۇرۇپ يانغاندا، خاقانى لەشكىرى بىلەن ئۇرۇشىمەن دەپ، مارالبېشىغا ئوت، بوغۇز، ئۆن، گۈرۈچ ماڭدۇرۇڭ دەپ شاغاۋۇل دادخاغا پەرمان بەرگەن ئىكەن. شاغاۋۇل پاشا، ئو مەزكۇر ئوت، بوغۇز قاتارلىق ئاشلىقلارنى مارالبېشىغا ماڭدۇرۇپ، توختى نىياز يۈز بېشىنى باش قىلىپ ئەۋەتكەن ئىكەن. بۇ مارالبېشىغا كېلىپ ساقلاپ تۇرغاندا، ئوشتۇمتۇت زوڭتۇڭ دارىنلار مارالبېشىغا يېتىپ بېرىپتۇ. توختى نىياز يۈز بېشى مەزكۇر ئاشلىقلارنى تۇڭگان خاننىڭ چېرىكلىرىگە تەقدىم قىلىپ، “تۇڭگان خاننىڭ نۇرغۇن چېرىكلىرى ئۆزۈن يەردىن بىز قەدىمى ئوششاق پۇقرالارنى يوقلاپ تېپىپ بىلىش ئۈچۈن ئاقسۇغا كېپتۇ دەپ ئاڭلاپ، ئۆزۈم دىخانچىلىق قىلىپ ئالغان ئاشلىقلىرىمنى ئۆز ئۇلاغلىرىم بىلەن قوشۇپ، تۇڭگان خاننىڭ چېرىكلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ساقلاپ تۇرغان ئىدىم” دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. زوڭتۇڭ دارىن ناھايىتى خوش بولۇپ، “كۆڭلۈڭ ئوبدان ئادەم ئىكەنسەن” دەپ ماختاپ، مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇنى يەكەنگە ھاكىم قىلىپتۇ.
ئاندىن ھەر قايسى شەھەردىكى ئاشلىق سېلىقىدىكى ئاشلىقنى خەتلەپ، دۆلەت خەزىنىسىگە ئالدى. يۇرت ۋە پۇقرالاردىن ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئاشلىق، ئوتۇن، سامان، بېدە، ئوت قاتارلىق ئىنسان گۆرۈھىغا لازىم بولىدىغانلىكى نەرسىنى خەتلەپ، يۇرتنىڭ ئۇلۇغ ئەيانلىرى ۋە سودىگەرلەرگە چىقاردى. يەنە ئۇلارغا “بۇ خىل نەرسىلەرنىڭ بازار نەرقنى توختىتىپ بېرىسۇن، بىز بۇ توختاتقان باھاغا قاراپ تۇرۇپ، ئوششاق پۇقرالار ئۆلىگەن نەرسىلەرگە تۇڭگان خاننىڭ غەزىنىسىدىن پۇل كۈمۈش بېرىمىز، پۇل بەرمەي بىكارغا ھېچ نەرسە ئالمايمىز، يەنە بىزگە يۈز قاراپ، نەرقنى ئەرزان ياكى كەم باھالاپ، پۇقرالارغا ئۇۋال قىلىدىغان ئىشلارنى ئەسلا قىلماڭلار” دەپ قاتتىق تەكىتلەپ جاكا چىقاردى. لېكىن بېكلەر، ئۇلۇغ ئەيانلار ئاشلىقتىن تارتىپ تىكەن، چىغ، تۇزغىچە نەرق توختىتىپ تىزىمغا ئېلىپ كۆرسەتتى. مەنسەپدارلار بۇنى كۆرۈپ “بۇ نەرققە پۇل كۈمۈش بەرسەك، پۇقرالارغا ئۇۋال بولمامدۇ؟” دەپ سورىغاندا، ئۇلار “ئۇۋال بولمايدۇ” دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، “ئانداق بولسا ئۇۋال بولمايدۇ دەپ كاپالەتلىك قىلىپ چى خەت (تىل خەت-ت) بېرىڭلار” دەپ بۇيرۇدى. بېكلەر “ئۇشبۇ نەرسىگە پۇل بېرىلسە ئۇۋال بولمايدۇ، مۇبادا ئۇۋالى بولسا بىزگە، ھەر ئىككى دۇنيادا زامىن بولىمىز” دەپ كاپالەت قىلىپ، چى خەت، يەنى ھۆججەت بەرگەندىن كېيىن پۇقرا-خالايىقتىن نۇرغۇن ئاق، قارا ئاشلىق، ئوت، ئوتۇن، بېدە، سامان، ياغاچ، بادىرا قاتارلىق ئىنسانغا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدى. توختىتىپ بەرگەن باھا بويىچە ئۇنىڭ پۇل كۈمۈشلىرىنىمۇ قولدا توختاتماستىن بېكىلەرگە بېرىپ تۇردى. مۇشۇنداق ئەھۋال كەم ياكى ئارتۇقمۇ بولماي، بەش يىلغىچە بىر خىل داۋاملاشتى.
بۇ چاغدىكى يەنە بىر ۋەقە شۇكى، جانابى بەدۆلەت ئاقسۇ، كۇچارنى ئىگىلىگەندە، كۇچارلىق خىتىپ خوجامنى ئوغۇللىرى بىلەن قوشۇپ قەشقەرگە ئاپىرىپ قويغان ئىدى. بۇلار تۇڭگان خاننىڭ چېرىكلىرى كەلگەندە بىر تەرەپكە قېچىپ كېتەلمەي، قەشقەردە تۇرۇپ قېلىپ، ھەر قايسى جاي-ماكانلاردا مەخپى يوشۇرۇنۇپ بىر-نەچچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى. ئاخىرى زوڭتۇڭ دارىن ئاڭلاپ چاقىرتىپ كېلىپ، كۆپ سۆزلەرنى سوراپ، “بۇ شەھەرلەرنى نېمە ئۈچۈن بۇزۇپ، ئامبان دالىيە چېرىكلىرىنى يوق قىلدىڭلار” دېگەندە، ئۇ “بىز كۇچار شەھىرىنىڭ تېشىدىكى مازار باغ دېگەن يەردە ئىدۇق. بىر كېچىدە تۇڭگانى، چەنتۇ قۇمارۋاز، سوكۇ-سالتاڭلار شەھەرگە ئوت قويۇپ، ئامبان، چېرىك، مەيمەيچىلەرنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئەھمەت ۋاڭ بېگىمنى بىزگە چوڭ بولۇپ بەرسىلە دېسە، ئۇ مەن تۇڭگان خاننىڭ ئىلتىپاتىغا يەتكەن، ئۇلۇغ بولمايمەن دېسە، تولا ئادەملەر ئۇنى چوماقلاپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ، يەنە كۇچارنىڭ ھاكىمى باشلىق سەكسىز بېكىنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، تەلەپاتلىرىنى بۇلاپ كېتىپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن، بىرمۇنچە تۇڭگانى قىسمارۋاز مازار باققا چىقىپ، بىزنى ئۆز ئىختىيارىمىزغا قويماي، ئۆزلىرىگە تۇلۇغ قىلغانلىغى راست. بىز ئۇلاردىن قورقۇپ ئۇلۇغ بولدۇق. ئەمما ئىختىيار بىزدە ئەمەس ئىدى. تاكىچە لاۋ پادىشا بۇ يۇرتلارغا ئىگىدارچىلىق قىلدى. بىزنى قەشقەرگە ئېلىپ كېلىپ توختاتتى” دەپ جاۋاپ بەرسە، “ئۇ چاغدا سىز نەچچە ياشتا ئىدىڭىز؟” دەپتۇ. “ئاتمىش ئىككى ياشتا ئىدىم. ھازىر سەكسەن بىر ياشقا كىردىم” دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. خىتىپ خوجامنى قەشقەر ھاكىمى ھامتاچى ھاكىم بېگىمگە تاپشۇرۇپ، “ئۇلۇغ خانغا ئەرز بېرىمەن، ئەمدى يارلىققا قارايسىز” دەپ چىقاردى. توققۇز ئايدىن كېيىن ئۇلۇغ خاندىن “قېرى ئادەم ئىكەن، گۇنايىنى ئەپۇ قىلدىم، ئۆز يۇرتۇمغا كېتىمەن دېسە يول خىراجىتىنى بېرىپ ماڭدۇرۇۋېتىڭلار” دەپ يارلىق كەلدى. يارلىق ھۆكۈمى بويىچە ئۇنى چاقىرىپ، “ئۇلۇغ خان ئىلتىپات قىلىپتۇ. ئۆز يۇرتىڭىزغا يېنىپ كېتىڭ” دەپ، يۈز سەر كۈمۈش خىراجەت بېرىپ، كۇچارغا ياندۇرۇپ، قولىغا ئالاھىدە يارلىق ۋە ئىجازەت خەت بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئوغلى مەھمۇدىن خوجام، ھامىدىن خوجاملارمۇ ئىجازەت خەت ئېلىپ، كۇچارغا بېرىپ، ئۇرۇغ-قېرىنداشلىرىغا قوشۇلدى، ھېچقانداق ئادەم ئۇلارغا ئېغىز ئېچىپ دەخلى قىلالمىدى. ئۆزلىرى نېمە خالىسا شۇنداق يۈرىدىغان بولدى.
لېكىن دۇڭ دارىن دېگەن ئادەم ئۆز دىنى ئېتىقادىغا ناھايىتى مۇستەھكەم، مۇسۇلمانلارغا بولغان ئىچكى ئاداۋىتى كۈچلۈك ۋە مەھكەم، غەيرەت ۋە باتۇرلۇقتا ھەممە مەنسەپدارلاردىن پېشقەدەم، جۈرئەت ۋە غەزەپتە باشقا ھەممە سەردارلارغا قارىغاندا گۇيا بىر بالايى-ئەزىم ئىدى، سىزىق قولنىڭ ھاكىمى ئەلىپ بېك (237) دېگەننى سەۋەبسىز بىر گۇناھى باھانە قىلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. يەنە چوڭ پادىشانىڭ ئۆلگىنى كۆرسىتىپ بەرسۇن دەپ، قەشقەر ئەھلىنى قىستاپ نەگىلا قۇيدى، ئۇلار ئىلاجىسىز كۆرسىتىپ بەردى. چېرىكلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، ئاتالىق غازىنىڭ گۆرىنى ئاچتۇرۇپ، نۇرغۇن ئۇستىخانلارنى دۆۋىلەپ، ئۇنىڭ جەسەدىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، ھېچ ئىلاج بولمىدى. بۇنىڭدىن دىنى سۇس، ئەسلى زاتى يامان مۇناپىقلار خوشال-خورام بولدى. لېكىن، مۇسۇلمان سۈپەتلىك دىيانەتلىك ۋە ئاقىۋەت ئەندىشىلىك خەيرىگاھلار غەمكىن بولۇپ، كۆزلىرى ياشقا تولۇپ، بىنىياز ئاللانىڭ دەرگاھى تەقەددۇسىدىن كەچۈرۈم سوراپ دۇئا ئىلتىجا بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلۇغ ئۆلىمالار بۇ ئەجايىپ ۋەقەنى كۆرگەندە “بۇنداق قىلىش بولسا ئۆلۈك-مۇردا ئۈچۈن دەرىجە ۋە مەرتىۋە، لېكىن تىرىكلەرنىڭ ھەققى ئۈچۈن زۇلۇم ۋە خارلىققا لايىقدۇر” دەپ ئۇرۇدى.
بۇنداق ئەجايىپ ۋەقە ئاتالىق غازى ئۆلگەندىن كېيىن سادىر بولدى. ئىلگىرىكى پادىشا ۋە خەلىپىلەردىنمۇ سادىر بولغان ئىكەن. “تارىخى رەۋزەتۇسساپا” دېگەن كىتاپتا، مۇھەممەت بىننى خاۋەندىشاھ بايان قىلىپ، ئابباسىلار خەلىپىسىنىڭ دەسلەپكىسى سەففاھ (238) ئىدى. يەنى ئابدۇللا بىننى مۇھەممەت بىننى ئەلى بىننى ئابدۇللا بىننى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇردى. ئۇ بىننى ئۈمەييە يەنى مۇئاۋىيەلەرنىڭ گۆرىنى ئاچتىلار، لېكىن ئۆمەر ئابدۇلئەزىزنىڭ (239) گۆرىگە دەخلى قىلماڭلار” دەپ ھۆكۈم يارلىق قىلدى. ئۇلار مۇئاۋىيەنىڭ گۆرىنى ئاچتى، قەۋرىسىدىن توپا-تۇپراقتىن باشقا نەرسە تاپالمىدى، يەزىد بىننى مۇئاۋىيەنىڭ (240) گۆرىنى ئاچتى، كۈلدىن بۆلەك نەرسە يوق ئىكەن. ئابدۇلمۈلۈك مەرۋاننىڭ (241) گۆرىدە بولسا بېشى، ھېشام بىننى ئابدۇلمۈلۈكنىڭ (242) گۆرىدە بولسا ئۇنىڭ جەسەدى ۋە ھەممە ئەزالىرى پارچىلىنىپ، بىر بىرىدىن ئاجراپ كەتكەن ئىكەن. بۇلارنى ئېلىپ چىقىپ كۆپ قامچىلاپ ئۇردى. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ ئاستى-ئۈستىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كۆككە سوۋۇردى. سۇلايمان بىننى ئەلى بىننى ئابدۇللا بىننى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (243) بەسىرەدە (244) ھاكىم ئىدى. ئۇ بەنى ئۈمەييە ئوغۇللىرىنىڭ گەدىنىگە تىغ ئۇرۇڭلار دەپ بۇيرۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكلىرىنى كوچا، يوللارغا تاشلىدى. بۇ شەھەرنىڭ ئىت ۋە باشقا يىرتقۇچلىرى ئۇلارنىڭ گۆش ۋە تېرىلىرىدىن نەچچە كۈن بەھرىمەن بولدى. بەنى ئۈمەييە خەلىپىلىرى ئەۋلاتلىرىدىن مۇھەممەت بىننى ئابدۇلمۈلۈك (245)، ئۆمەر بىننى يەزىد (246)، ئابدۇلۋاھىد بىننى سۇلايمانلار (247) ناھايىتى باي ۋە ھېساپسىز مۈلكى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا ھالاك قىلىپ، مال-مۈلكىگە سۇلايمان بىننى ئەلى ئابباس ئىگە بولدى. يەنى ئۈمەييە تايىپىلىرىدىن ئەجەل يەتمەي قالغانلىرى بولسا پېقىر ۋە يوقسۇللۇق كۈچىلىرىگە كىرىپ، ئۆزلىرىنى ئالەمنىڭ بۇلۇڭلىرىغا ئېلىپ، مەخپى كۈن ئۆتكۈزدى دەپ بايان قىلىدۇ. ئەي ئەزىز يارەنلەر، بىلىڭلار ۋە ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ ۋاقىت تارىخ ھىجرىنىڭ بىر يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى (مىلادى 749-750-يىلى-ت) ئىدى. شۇنداقلا بۇ دەۋر بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىدىن ئانچە ئۈزۈن ئۆتمىگەن، بەلكى پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرىنى كۆرگەنلەرمۇ تېخىچە ھايات ياشاۋاتقان بىر زامان ئىدى. ئەنە شۇنداق بىر زاماندا، بىرەر مۇسۇلمان خەلىپە ۋە پادىشاھنىڭ تەبىئىتى يەنە بىر مۇسۇلمان خەلىپىسىگە مۇنداق ئەجايىپ ۋەقەلەرنى قىلىشىنى راۋا ۋە دۇرۇس دەپ كۆرگەن تۇرسا، ھالبۇكى، ئۇ چاغدىن ناھايىتى ئۇزۇن زامان ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىرەر كاپىر دىنسىزنىڭ مۇسۇلمان ۋە دىندار ئىسلام پادىشالىرىنى يەنە قانداق خار ۋە ئېچىنىشلىق سىزلىقلارغا دۇچار قىلماسلىغى مۇمكىن.
ئۇ چاغدا خىتايلار ئاتالىق غازىنىڭ جەسەدىنى كۆيدۈردى. چۈنكى، خىتايلارنىڭ ئېتىقادىچە، ئەگەر بىرەر ياخشىلىغى كۆپ، يامانلىغى ئاز ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ جېنىنى يەنە بىر ئادەمنىڭ قورسىغىدا پەيدا قىلىپ، تېز ۋاقىت ئىچىدىلا ئۇنى يەنە تۇغدۇرۇپ، بۇ يەر يۈزىگە كەلتۈرىدىكەن. ئەگەر ياخشىلىغى ئاز، يامانلىغى كۆپ ئادەم بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن ئىت، ئېشەك قاتارلىق نەرسىلەر بولۇپ تۇغۇلۇپ، زېمىن يۈزىگە كېلىپ خىزمەت قىلىپ، زېمىن يۈزىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ، ئاندىن يەنە ئۆلۈپ، بىر ئايالنىڭ قورسىغىدا پەيدا بولۇپ، يەنە تۇغۇلۇپ كېلىدىكەن. ئەگەر كىشىنىڭ ئازراقلا ھەققى بولسا، ئەقىللىسى توخو بولۇپ تۇغۇلۇپ كېلىپ، تۇخۇم تۇغۇپ بېرىپ، ھەققىنى ئادا قىلىپ، ئاندىن ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇپ كېلىدىكەن. كىشىنىڭ ھەققىنى بەرمەي ئىلاچى يوق. پۇل ئىگىسىنىڭ ھەققىمۇ ئەسلا بىكارغا كەتمەيدۇ دېگەن يامان ئەقىدىلىرى مۇستەھكەم ئىكەن. شۇڭلاشقا، ئۇلار كىشىنىڭ ھەققىدىن قورقۇپ ئەندىشە قىلىدىكەن دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتالىق غازىنىڭ جەسەدىنى كۆيدۈرۈشىدىكى ئەقىدىسى بولسا، بۇ لاۋ پادىشاھنىڭ جېنى يەنە بىر ئايالنىڭ قورسىغىدا پەيدا بولۇپ تۇغۇلۇپ كېلىپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە بىئاراملىق قىلمىسۇن دېگىنى ئىكەن. ئۇلار بۇ ئەقىدىسىنى روھنىڭ يۆتكىلىشى دەپ قارايدۇ. راست ياكى يالغانلىغىنى ئاللا بىلىدۇ.
ئەلقىسسە، خاقانى مەنسەپدارلىرى خەلققە بەش يىلغىچە يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان تۈزۈم بويىچە مۇئامىلە قىلدى. ئاندىن كېيىن يۇرتدارلىق ئىشلىرىنى يېنىكلەتمەكچى بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ يەر-زېمىنىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قارىماي سىزىلاپ ۋە پۇگلاپ ۋە كەمەلەپ ئۆلچەپ، ئازغا ئازچە، كۆپكە كۆپچە ئاق ياكى قارا ئاشلىق، سامان قويۇپ دەپتەرگە ئالدى. ھەر بىر شەھەرنىڭ سىقىم، كىرىمىنى خەتلەپ توختىتىپ، تۇڭگان خانغا مەلۇم قىلدى. تۇڭگان خاندىن “بىلدىم” دېگەن يارلىق چۈشتى. ھەر قايسى شەھەرنىڭ مەنسەپدارلىرى تەيىن قىلىپ توختىتىلغان ئاشلىقنى كەم ياكى ئارتۇق قىلماي دۆلەت خەزىنىسىگە ئالدى. مەنسەپدارلار ئالۋاڭنى ئون ياكى ئون ئىككى يىلغىچە مۇشۇ تەرىقىدە ئېلىپ تۇردى. بەلكى بۇ ئالۋاڭنى بارغانسېرى كۆپەيتىۋەردى. ھازىر خاقانى مەنسەپدارلىرى بۇ جاينى ئىگىلىگەنلىكىگە ئوتتۇز يىلدىن ئاشتى، يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىگە (مىلادى 1909-يىلىغا-ت) يەتتى. خالايىق شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئەجداتلىرىدىن قالغان مۈلكى مىراس زېمىنلىرىنى تاشلاپ، ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتتى. ھويلا-ئاراملىرى، ھەرەم باغلىرى، مال-مۈلكى ۋەيران بولۇپ، ھوقۇش، قۇزغۇنلارغا ئاش، دىۋە-پىرىلەرگە جاي-ماكان بولۇشقا باشلىدى. ئۇلار يۇرتدارلىق ئالۋاڭلىرىنى تۆلەشكە ئاجىز قېلىپ، يەر-زېمىنىنى باشقا ئادەمگە بىكارغا بەرسىمۇ ئالمايدىغان بولدى. خاقانى مەنسەپدارلىرىنىڭ ئىچكى كۆڭۈللىرىدىكى مۈددىئا غەرەزلىرى بولسا، چەنتۇ پۇقرالار ئۆز خۇداسىنىڭ رەھمى-شەپقىتىلىرىگە سېغىنىپ، خۇداسىدىن باشقا ھېچ مەخلۇقتىن ياخشى ۋاپا ۋە ئۈمىت كۈتمىسۇن، پەقەت بىزنىلا ئارزۇ-ھەۋەس قىلىپ، بىھۇدە جەۋرى-مۇشەققەتلەرنى چېكىپ، ئۆمرىنى زايا قىلمىسۇن، يەنە ئىككىنچى مەرتىۋە باشقا تايىپە ۋە پادىشالارنى تىلەپ قىلىپ، بىزگە ناشۈكۈرچىلىك قىلمىسۇن، ئاسمان ۋە زېمىن خۇداسى كىمنى خالاپ ۋە كىمنى ئۇلۇغ قىلىپ بەرسە، شۇلارنىڭ ئەمرى-پەرمانلىرىدىن چىقماي سەۋر قىلسۇن، دېگەنلىكتىن ئىبارەت ئىكەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ يۇرت سورايدىغان مۈددىئاسى بولسا ئىدى، پۇقرا-خالايىققا مۇنچىلىك زۇلۇم قىلىشنى راۋا ۋە لايىق كۆرمەس ئىدى، بەلكى ئۇلار مۇسۇلمان زالىملىرى ياكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ، سىياسەت يۈرگۈزگەن بولار ئىدى. خۇداۋەندە ئۆز رەھمى ۋە پەزىلىلىرى بىلەن بۇ لەنەتى زالىملارغا يەنىلا ئىنساپ ۋە ئادالەت ئاتا قىلسا ھەجەپ ئەمەس.
ئەي نادان ئاسى، بىمقدار، خارگۇناكار ۋە بىمدار! سېنىڭ بۇنداق ئىقتىدارلىق پادىشالار ۋە ئەتۋارلىق ساھىبى يۇلباشچىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىيلىشىپ، ئۇلار ھەققىدە سۆز ئېچىشقا نېمە ھەققىڭ ۋە مۇناسىۋىتىڭ بار؟ سەن بۇنداق گەپلەرنى قىلىشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلالايسەن؟ ئەي مۇغەننى ئالىملار، سىلەرمۇ بىھۇدە ۋە يوغان سۆزلىرىڭلارنى ئاۋايلاپ سۆزلەڭلەر. چۈنكى، پادىشا ۋە ھاكىملارنىڭ ھەممىسىلا ئۆز قۇۋۋەت ۋە شىجائەتلىرىمىز بىلەن شەھەر ئالدۇق دەپ ئۆزلىرىگە ئىشەنچە قىلىدۇ. ھەقىقەتنى ئايرىغۇچى بولسا، پەقەت ھايات ئىگىسى بولغان ھەقىقى ئاللانىڭ ئۆزىدۇر. ھالبۇكى، ئۇ ئالەمنىڭ خۇداسى ئۆز ئىلمىي قەدەملىرى بىلەن ئىسلام دىنىدىكى ياكى دىنسىز كاپىر پادىشالارنىڭ قايسىبىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا بىز مەخلۇقلارنىڭ ئۈستىگە ئىگە قىلىپ ئەۋەتكەن-بەھەس! شۇڭلاشقا ھەر زامان ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا پادىشا ۋە ھاكىمى ۋىلايەتلەر، ئەمەلدارلارنىڭ ئىنساپ ۋە ئادالەتلىرى ھەققىدە دۇئا قىلماق لازىمدۇر. ئەگەر ئۇ ئىسلام پادىشا بولىدىكەن، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش كېرەك ۋە ئۇنىڭ توغرا يولى، ئىنساپ ئادالەتلىرىنى تىلەش لازىمدۇر. چۈنكى، بۇنداق پادىشالار نېمەت ئىلاھى جۈملىسىدىندۇر. نەزم:
ھەممە ھالغا شۈكۈرى قىلماق لازىم ئېرۇر،
كى مۇبادا ئانىڭدىن ئولغاي يامان.
ئەي ئاقىللار! باغۋەنلەرنىڭ قۇرۇق ئۈستىگە قويغان تىكەنلىرى، قويچى پادىچىلارنىڭ ئىتلىرىمۇ نېمەت ئىلاھى جۈملىسىدىندۇر. ئەگەر قويچىلارنىڭ ئىتلىرى بولمىسا ئىدى، قويلىرىنى بۆرىلەردىن مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلىشى مۇمكىن بولمايتتى. ئەگەر باغچىلارنىڭ قۇرۇق ئۈستىگە قويغان تىكەنلىرى بولمىسا ئىدى، مېۋىلىرىنى ئوغرىلاردىن ساقلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، خۇداۋەندەكەرىم ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا ھەر قانداق ئىنسان خىلى ئىچىدىكى ئۇلۇغلار نەسلىدىن بىرىنى بىز مەخلۇقلارنىڭ ئۈستىگە ئىگە قىلىپ بەرسە، بارلىق پۇقرا ۋە خالايىقلارنىڭ ئۇنىڭغا شۈكۈرى سانا قىلىپ، ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىشلىرىمۇ لازىم تۇتۇپ بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ ئۇلۇغلارغا ئىنساپ ۋە ئادالەت، پۇقرالارغا توغرا يول ئاتا قىلغايسەن. ھۆرمەت سەيىدىلمۇرسەلىن ۋە ئەنبىيالارغا مەنسۇپ-ئامىن!
20
فەغفۇرچىننىڭ پۇقراپەرۋەرلىك تەرەپتىكى ئادالەت-سۈپەتلىرى، زېمىننىڭ كېرى-چوڭ ۋە ئۇلۇغلۇغى، زېمىن دائىرىسى تەرىپى ھەققىدە قىسقىچە ۋە نەمۇنە بايانى
راست سۆزلۈك يارەنلەر، ئەقىللىق بۇرادەرلەرنىڭ رۇشەن ۋە ماقۇل كۆڭۈللىرىدىن مەخپى ۋە نامەلۇم قالمىغايكى، بۇ تارىخچىنىڭ مۇقەددىمە ئاخىرىدا بايان قىلىنغاندەك، فەغفۇرچىنى خانى بۇ شەھەرلەردىكى مەنسەپدارلارنىڭ گەدىنىدىن ئايىمۇ-ئاي پۇل ئېلىپ تۇردى. بۇنى “چوقابېشى” دەپ ئاتىدى ھەم ئۆزگىچە باج قويدى دەپ بايان قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭ تەپسىلى بايانى بۇكى، ئاقسۇلۇق موللا نىياز ئاخۇن ناملىق زېرەك ھەم ھوشيار بىر مىرزا كەمىنە مەنىكى بۇ ئېتىۋارسىز قەلەم تەۋرەتكۈچىگە ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق بىر قىسسىنى ھېكايە قىلىپ بەرگەن ئىدى. يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىشىنچى يىلى (مىلادى 1844-يىلى-ت) ئەتراپىدا شەنفىڭ خان دەۋرىدە (248) چاڭ موزا دېگەن بىر تايىپە، ئەنگلىيە نىسارىلىرى ۋە بۇزۇلغان تۇڭگانلار تۇڭگان خانغا يېپىشقان كۈنلەردە، خان مەزكۇر تايىپىلەر ئۈستىگە لەشكەر ماڭدۇرۇپ، بۇ ئەنلۇباچىڭ تەرەپكە ئىلگىرىكىدەك كولەن-ئۆزەپپە ئەۋەتىشكە پۇرسەت يەتمىگەن زامانلاردا، بويەتتە شەھەردىكى مەنسەپدارلار “بىزمۇ بۇ شەھەردىن قان تېپىپ تۇڭگان خاننىڭ غەزىنىسىگە كۈمۈش سالساق، پۇقرالارنىڭ گەدىنىگە پۇل قويۇپ باج يىغىۋېلىپ، بۇنى تۇڭگان خانغا مەلۇم قىلىپ، مەنسەپ ۋە ئابروي تاپساق” دەپ مەسلىھەتلىشىپ، ئاقسۇنىڭ چىڭچەي ئامبانى مەن دارىن دېگەن ئادەم ئاقسۇنىڭ ھاكىمى باشلىق مەنسەپدارلارنى ھازىر قىلىپ، ئاقسۇنىڭ ئادەم ۋە ئۆي نوپۇسىنى خەتلەپ، ھەر ئۆيلۈك ئادەمگە ئىككى تەڭگىدىن مىس پۇل قويدى. بۇنى “چوقابېشى” دەپ ئاتىدى. ئۇلار شۇنداق قىلىپ پۇقرالاردىن ئون تۆت مىڭ تەڭگە چوقا بېشى پۇلى ئالدى. تۇڭگان خانغا بۇنىڭ راستى مەلۇم بولماي ۋە سۈرۈشتىمۇ قىلىنماي يوقاپ كەتتى. بىر ئۆيلۈك ئادەمنىڭ ھەر ئايدا ئېچىدىغان تۇزىغا ئىككى پۇلدىن باج قويۇپ، ئۈچ ئايدا ئۈچ داچەن، يەنى ئالتە پۇل ئېلىشنى قارار قىلدى. بۇنى ھېساپلاپ كۆرگەندە، پۈتۈن ئاقسۇ تەۋەلىگىدىن بىر يىلدا ئون بەش مىڭ نەچچە يۈز تەڭگە پۇل يىغىلىدىكەن. نەتىجىدە بۇ پۇلنى ئېلىشقا ھۆكۈم جارى بولۇپ، ئۈچ ئاي توشقاندىن كېيىن، يۇرتنىڭ ئەمەلدارلىرى يۇقۇرقى تۈزۈم بويىچە پۇقرالاردىن بۇ پۇللارنى يىغىۋالدى ۋە ئۇنى ھاكىم بېكىنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئۈز بېجىنى ساناپ ۋە ساقلاشقا پېقىر موللا ئاخۇن مىرزىنى تەيىنلىدى. بۇ پۇلنى ئېلىپ تۇرغان كۈنلەردە، قەدىمدىن بۇيان فەرغانە خانلىغىنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇپ يەر-زېمىن ۋە مۈلۈككە ئىگە بولغان ھەم دىخانچىلىق قىلىپ ئۆلۈچ چىنى خاقانىنىڭ سېلىقىغا ئاشلىق تۆلەيدىغان بىر مىڭ بەش يۈز ئۆيلۈكتىن ئوشۇقراق پۇقراسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ كۈنلەردە مىرزا باي دېگەن بىر ئاقساقالى بار ئىدى. ئاقسۇ ھاكىمى مىرزا بايغا “قول ئاستىڭدىكى پۇقرالىرىڭدىن ھەر ئايدا بىر داچەندىن ئۈز بېجى ئېلىپ خەزىنىگە تاپشۇرىسەن” دەپ ھۆكۈم خەت بېرىپتۇ. مەزكۇر ئاقساقال “قەشقەردىكى ئۇلۇغۇمغا مەلۇم قىلىپ، ئاندىن كېيىن ئۈز بېجىنى ئېلىپ بېرەي” دەپ، بۇ ھۆكۈم خېتىنى قەشقەردىكى چوڭ ئاقساقالغا ئەۋەتىپتۇ. چوڭ ئاقساقال بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ، ئەرز قىلىپ، بۇ ھۆكۈم خېتىنى ئۇقۇپ يەكەندىكى خان ئامبانغا ئەۋەتىپتۇ. خان ئامبان بۇ خەتنى ئوقۇپ كۆرۈپ، يەنىمۇ راستىنى بىلەي دەپ ئاقسۇغا مەخپى ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپتۇ. ئۇ ئادەم يەكەنگە يېنىپ بېرىپ، ۋەقەنىڭ راستلىغىنى خان ئامبانغا مەلۇم قىلىپتۇ.
بۇ كۈنلەردە باي ھاكىمى قاسىم بېك مەنسەپ توغرىسىدىن يەكەنگە بارغان ئىكەن. بۇ بېكىدىنمۇ راستىنى ئېنىقلاپ چى خەت ئېلىپتۇ. ئاندىن ئۇ تۇڭگان خانغا “ئاقسۇدىكى مەن دارىن دېگەن ئەمەلدار ئۆلۈغ خاننىڭ شانيى-شەۋكىتىنى سۇندۇرۇپ، خوتۇنلار ئىچىدىغان ئۈزدىن باج ئېلىپتۇ. بۇ ھال يىراق-يېقىن مەمىلىكەلەرگە ئاڭلانسا ياخشى ئىش بولمايدۇ” دېگەن مەزمۇندا ئەرز ئەۋەتىپتۇ ۋە بۇ ئىشنىڭ راستىنى ئېنىقلاشقا ئادەم ئەۋەتىشنى تىلەيمەن” دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. بۇ ئۆلۈغ خانغا يېتىپ، جۇنلە (تەستىقلىنىپ-ت)، كۈي دارىن دېگەن ئامباننى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ. ئاقسۇنىڭ ئامبانى مەن دارىن ئۇنىڭ يارلىق بويىچە ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاقسۇغا كېلىدىغانلىغىنى ئاڭلاپ، ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئاقسۇ ھاكىمى باشلىق چوڭ-كىچىك خىتاي ۋە يەرلىك ئەمەلدارلاردىن يەتمىش ئىككى ئەمەلدارنىڭ تىلىدىن “ئۈزگە باج ئالمىدۇق، بۇ بىر يالغان سۆز” دەپ چى خەت ئالدى. پېقىر موللا ئاخۇن مىرزىدىنمۇ “پۇل ئالمىدىم” دەپ تاندۇرۇپ چى خەت ئالدى. ئۇنىڭغىچە مەزكۇر تەكشۈرگۈچى ئامبان ئاقسۇغا كەلدى. ئۈز بېجى ئالغانلىقنىڭ راستىنى پۇقرالاردىن ئېنىقلاپ بىلدى ۋە كەمىنە مەبىنىمۇ ئېلىپ بېرىپ سۆز سورىدى. يالغان سۆزنى راست سۆزنىڭ جايىغا ئېپكىلىش ناھايىتى مۇشكۈل بولدى. “راستلىق خاالاسلىقتۇر” دېگەن ئەقىدىنى مەھكەم تۇتۇپ، “بىر ئۆيلۈك ئادەمدىن بىر ئايدا ئىچىدىغان ئۈز بېجىغا ھەر ئايدا بىر داچەندىن پۇل ئېلىپ ماڭا تاپشۇردى، جەمى بىر مىڭ ئالتە تەڭگە ئالتە پۇل ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆلۈغ خان بۇ توغرىدىن كايىپتۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق پۇل ئېلىنمىدى” دەپ مەلۇم قىلدىم، ئۇ “بۇ پۇل قولۇڭدا ھازىر بارمۇ؟” دەپ سورىدى. مەن “بەزىسى ھازىر بار” بەزىسىنى ئۈستۈمدىكى دىۋان بېگى ئۆتىنە ئېلىپ ئىشلەتتى، يەنە بۇنىڭ ئورنىغا پۇل سېلىپ قويىمىز دەپ ئالغان ئىدى. بۇ دەپتىرىمگە يېزىقلىق” دەپ مەلۇم قىلدىم. ئۇ بۇ سۆزۈمنىڭ راستلىغى ئۈچۈن چى خەت ئالدى. ئاقسۇنىڭ ئامبانى بۇنى ئاڭلاپ “مەن ئىقرار قىلما دېسەم يەنە نېمە ئۈچۈن ئىقرار بولىسەن” دەپ كايىپ، ئىككى جىڭلىق پالاقتا سەكسەن تاياق ئۇردى ۋە دېڭىزىدا مەھكەم قىلىپ سۇلاپ قويدى. ئارىلىقتا سەكسەن كۈن ئۆتتى. ئۆلۈغ خاندىن “ئۈز پۇلى تۇتقان موللىنى، ئاقسۇ ھاكىمى ھوشۇر، باي ھاكىمى قاسىم ۋە دىۋان بېگى موللا ھوشۇرنى ئىلىغا ئېلىپ چىقىپ، جاڭجۈن ۋە خان ئامبانلار ئۆزى سۇراق قىلىپ، ۋەقەنىڭ راست ياكى يالغانلىغىنى ئېنىقلىسۇن” دېگەن يارلىق كەلدى. يارلىق ھۆكۈمى بويىچە بۇ تۆت كىشىنى ئىلىغا ئېلىپ باردى. بۇ كۈنلەردە ئاقسۇ ھاكىمى ھامىد تاجى ھاكىم بېگىم ھاكىملىغىدىن بىكار بولۇپ، ئورنىغا ھوشۇر بېك دېگەن كىشى ئارىيەت ھاكىم بولۇپ، تامغا تۇتۇپ تۇرغان ئىدى. جاڭجۈن ۋە خان ئامبان باشلىق ئون ئىككى نەپەر كاتتا مەنسەپدار دەپتەر قاتار ئولتۇرۇپ، بىزدىن بىر-بىرلەپ ناھايىتى نازۇك ۋە ئىنچىكىلەپ ئالدۇرماي سۇراق سورىدى. بىر ئايدا تۆت-بەش نۆۋەت سۆز سورايتتى، بەزى كۈنلەردە ئۈچ-تۆت نۆۋەت سۆز سورايتتى. شۇنداق قىلىپ سەكسىز ئاي سۇراق سورىدى. شۇنداق نۇرغۇن سۆزلەرنى سورىدىكى، بۇنى يېزىشقا قەلەم ئاجىز كېلىدۇ. ئاخىرى بۇنىڭ راستىنى ئېنىقلاپ، ئۆلۈغ خانغا مەلۇم قىلغاندا، ئۆلۈغ خاندىن چىڭ خان ئامبان دېگەنلىكە “بۇلارنى ئۆز يېرىگە ئاپىرىپ، ئوششاق پۇقرالاردىنمۇ سۇراپ ئېنىقلاپ، بىر قارارغا كېلىپ، ئۈچۈرى بېرىلسۇن” دېگەن مەزمۇندا يارلىق كېپتۇ. خىراجىتىگە بەش مىڭ سەر كۈمۈش يارلىق قىلىپ، يەنە ھەر كۈنلۈك خىراجىتى ئۈچۈن ھەر ئۆتىگەدىن ئەللىك سەر كۈمۈش ئېلىشقا يارلىق چۈشۈپتۇ.
مەزكۇر خان ئامبان ئۈرۈمچى-تۇرپان يولى بىلەن داغدۇغا ھەشەمەتلىرىنى قىلىپ ئاقسۇغا كەلدى. ئاقسۇ ئامبانى مەن دارىن، تاجى ھاكىم بېگىم، ھوشۇر ھاكىم بېك باشلىق خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلاردىن يەنە ئېنىقلاپ سۇراپ، راستىنى ئېيتقۇزۇپ، ھەممىسىدىن چى خەت ئالدى. مەن موللاخۇندىن بىر مىڭ تەڭگە ۋە يەنە ئالتە تەڭگە ئالتە پۇلنىڭ ھېساۋىنى سورىدى، بۇ پۇلنىڭ ھازىرغا ھازىرچە ۋە يوق بولغان پۇلنىڭ دېرىگىگە پۇل ئالغان ئادەملەرنى تۇتۇپ جاۋاپ بەردىم. لېكىن بۇ پۇلدىن تۆت پۇل كەم چىقتى. ئۇ “نېمە قىلدىڭ؟” دەپ سورىغاندا، مەن “ئېسىمگە ئېلىپ ئاندىن جاۋاپ بېرەرسەم” دېدىم. ئۇ ماقۇل بولدى. ئاخىرى بۇ ئىككى داچەن يەنى تۆت پۇل ئۈچۈن يەتتە نۆۋەت كاتتا سۇراقخانىغا ئېلىپ كىرىپ سۇراق قىلدى، ئاخىرى “بۇ تۆت پۇلغا قەغەز ئېلىپ، باج بەرگەن ئادەملەرگە باجاق ھۆججەت قىلىپ بەردىم” دەپ جاۋاپ بەرسەم، بۇ سۆزۈمنى ھۆججەت قىلىپ تۇرۇپ، تاجى بېگىمنى ئېلىپ كىرىپ “باج تۇتقان بۇ موللىغا خېتىيىدىن قەغەز بەرگەنمۇ؟” دەپ سورىدى. ئۇ “قەغەز بەرمىگەن ئىدى” دەپ جاۋاپ بەردى. خان ئامبان “ئانداق بولسا قەغەز بەرمىگەن دەپ مۆھۈرۈڭنى بېسىپ چى خەت بېرىڭ” دەپ چى خەت ئالدى. ئاندىن كېيىن مەندىن ئالىدىغان ھېساپ سورىغىنى تۈگىتىپ، بۇ سۇراقنىڭ ئۈچۈرىنى ئۆلۈغ خانغا مەلۇم قىلدى. ئۆلۈغ خاندىن “بىلدىم، مېنىڭ ئوششاق پۇقرالىرىم ئۈستىدىكى مەنسەپدارلار، ئۇلارغا جەۋرى-جاپا سېلىپتۇ. مەن ئۆلۈغ خان ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالالماپتىمەن” دەپ “مەزكۇر چىڭچەي مەن دارىن، ئاقسۇ ھاكىمى، باي ھاكىمى، باي-سايرام ھاكىمى باشلىق خىتاي، يەرلىك ئەمەلدارلاردىن يەتمىش ئىككى مەنسەپدارنى مەنسىۋىدىن ئالدىم. بۇلار ھېچقانداق مەنسەپ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىسۇن، لىپا قائىدىسىگە سېلىپ، ماددىلىرىنى ئاختارۇپ كۆرسەم، بۇ مەنسەپدارلارنى بەش مىڭ يوللۇق يەرگە پالاپ، بوغۇپ ئۆلتۈرىدىغان قانۇن بار ئىكەن. لېكىن مەن بولسام ئۆلۈغ خان، خۇددى ئېگىز بىر تاغ، پۇقرالىرىم بولسا كىچىك دەرياغا ئوخشاش، مەن ئۇلارنىڭ گۇناسىنى ئەپۇ قىلدىم. ئۇلار ئۆز يېرىگە بېرىپ پۇقراچىلىغىنى قىلسۇن، يەنە بىرى مەن يېڭى تەختكە چىقتىم. بۇلارنىڭ گۇناسىنى ئەپۇ قىلدىم” دەپ يارلىق چۈشۈردى. بۇ ۋەقە شەنفىڭ خاننىڭ ئونىنچى يىلى (مىلادى 1860-يىلى-ت) يۈز بېرىپ سۇراق قىلىنغان ئىدى، سۇراق تۈگىگىچە شەنفىڭ خان ئالەمدىن ئۆتتى، ئورنىغا تۇڭجىر خان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا تولۇق ئۈچ يىل ئۆتكەن ئىدى. مەزكۇر خان ماڭا رەھمى-شەپقەت قىلىپ ماختاپ، ئوتتۇز سەر كۈمۈش ئاڭلاپ بېرىپ، پۇقراچىلىغىنى قىلغىن دەپ جاۋاپ بەردى دەپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەنىكى كەمىنە قەلەم تەۋرەتكۈچى ئۇ چاغدا ئۇيىلىڭەن ئىدىم. مەنمۇ ئەل قاتارى ئۈچ ئايدا ئۈچ داچەندىن بەرگەن ئىدىم.
ئەي زامانە ئادەملىرىنىڭ رەسالىرى ۋە دەۋراننىڭ ئەقىللىق دانالىرى، بۇ ئۆلۈغ خاننىڭ ئادالەتلىگى ۋە پۇقراپەرۋەرلىگى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بۇ يەتتە شەھەر ھېساۋىدا بىر مىڭ تەڭگە ئالتە پۇلنى خىتاي ھېساۋىدا ئاتمىش ئىككى يېرىم سەر كۈمۈش، ئورۇسىيە ھېساۋىدا بىر يۈز ئاتمىش سوم نەچچە تىيىن ئاقچا ھېساپلايدىكەن. دېمەك، ئاران مۇشۇنچىلىك پۇل ئۈچۈن، ئۆلۈغ خان ئىلىدىن خان ئامباننى بۇيرۇپ، خىراجىتىگە ئۆز غەزىنىسىدىن نەچچە مىڭ سەر كۈمۈش بەرگەننىڭ تېشىدا، پارچە خىراجەتلىرى ئۈچۈن يەنە نەچچە مىڭ سەر كۈمۈش تەيىنلەپ “مەن ئۆلۈغ خاندىن يارلىق بولماي تۇرۇپ، مەنسەپدارلىرىم ئوششاق پۇقرالىرىمدىن ھەر ئايدا بىر داچەندىن پۇل ئېلىپ جەۋرى قىلىپتۇ” دەپ تەكشۈرۈپ، چىڭچەي ئامبان باشلىق ئۈچىنچى، ئۆتىنچى جەرەكلىك مەنسەپكە يەتكەن ھاكىم ۋە چوڭ-كىچىك يەتمىش ئىككى مەنسەپدارنى مەنسىۋىدىن ئالدى، بەلكى ئۈز بېجى تۇتقان ياكى ئالغان يۈز بېگى، ئىمام، مۇئەززىن، ئاقساقاللارغىچە بىكار قىلدى. يەنە ئىككى داچەن ئۈچۈن نەچچە كۈن سۇراق قىلىپ، راستىنى ئېنىقلاپ، بۇ ئىشقا ئەجەپلىنىپ، قىياس ۋە ئىمتىھان كۆزى بىلەن قارىدى. ئۇنىڭ بۇنداق ئىنساپ ۋە ئادالەتلىرىگە ئىنساپ قوشۇلسۇن! گەرچە ئۆلۈغ خانغا ئاڭلانغىنى بىر داچەن بولسىمۇ، غەزىنىسىدىن نەچچە مىڭ سەر كۈمۈش سەرپ قىلىپ، ياخشى سۇراق قىلاتتى. بىراق، بۈگۈنكى كۈندىكى مەنسەپدارلار بولسا، خىنسىيە ئالۋاڭلىرىنى باھانە قىلىپ، بىر پۇقرادىن بىر مىڭ تەڭگە پۇلنى ئورۇن-سەۋەبسىز ئالماقتا. پۇقرالار دادى-پەريادىنى ئۇلۇغ خانغا يەتكۈزەلمەيدۇ ۋە ئاڭلىتالمايدۇ. ئۇلۇغ خان بولسا چوڭلۇق قىلىپ، مەنسەپدارلىرىنىڭ خۇلقى-مىجەزى ۋە زۇلۇم-جەۋرىسىدىن خەۋەر ئالمايدۇ. بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتقان چاغدا، خۇددى مۇشۇنداق يەنە بىر گەپ ئېسىمگە كەلدى.
تارىخ كىتابلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، قەدىمقى زاماندا پادىشاھ نۇشىرۋان ئادىل (249) ئوۋغا چىقىپ بىر كەنتتە قوندى. بۇرچىلار ئاشخانىغا تۇز تەييارلىمىغان ئىكەن. بۇ ئىشنى سەل چاغلاپ، مەزكۇر كەنتتىن تۇز ئېلىپ ئىشلىتىپتۇ. بۇ ۋەقە نۇشىرۋانغا ئاڭلانغاندىن كېيىن، ئۇ باقاۋۇل بېشى باشلىق بۇرچىلارغا سىياسەت قىلىپ: «ئۇ بولسا ئاز ۋە چاغلىق نەرسە ۋە تولا ئىشلەتكىلىمۇ بولمايدۇ، لېكىن بۇنى يارلىق بولماي تۇرۇپ ئۆزۈڭلارچە ئېلىپسىلەر. بىراق بۇ ئىشنى سەل چاغلاپ ئۆتكۈزۈۋەتسەم، مەندىن بەخسلىك يۈز بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە بۇ قائىدە رەسمىي جارى بولۇپ كېتىشىدىن كېيىن، جەۋرى-زۇلۇم پەيدا بولىدۇ؛ زۇلۇمنىڭ يىلتىزى كىچىك نەرسە، لېكىن ئۇ پاتلا چوڭ بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنى كىچىك چېغىدا يۇلۇپ تاشلاش ئاسان، مۇبادا ئۇ يىلتىزى چوڭ بولۇپ، رەسمىي قائىدىگە ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، پۇقرالارغا زۇلۇم پەيدا بولۇپ، يۇرتتىن ئىنتىزام قوزغىلىپ كەتسە، ئۇنى جايىغا ئېلىپ كېلىش ئەلۋەتتە تەس بولىدۇ. بىرەر تەدبىر قوللانغىلىمۇ بولمايدۇ. ھەر ئىشقا كىچىك ۋاقتىدىلا تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش لازىم» دەپ ئاگاھلاندۇردى. شۇڭلاشقا نۇشىرۋاننى «ئادىل» دەپ ئاتىدى. بۇنداق دەپ ئاتاشقا يەنە باشقا سەۋەبلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇمۇ ئۇنىڭ بىر سەۋەبى.
ئەل قىسسە، بۇ سۆزلەرنى تەپسىلى بايان قىلىشتىن مەقسەت شۇكى: بۇ چەت-ياقا يۇرتلارغا مەنسەپدار بولۇپ كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ جەۋرى-زۇلۇملىرى ئۇلۇغ خانغا راستى بىلەن مەلۇم بولمايدىغان ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلۇغ خان مۇبادا راستىنى ئاڭلاپ بىلىپ قالسا، ئۇنى ياخشى تەكشۈرۈپ، تەپتىشلەرنى قىلىپ، پۇقراپەرۋەرلىك سىياسىتىنى ئوبدان يۈرگۈزۈپ، ھەققانى ئادالىتىنى خۇددى ئاپتاپقا ئوخشاش ھەممىگە باراۋەر يەتكۈزۈپ ئىش كۆرىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئادالەت نەتىجىلىرى ۋە خاسىيەت ئەسەراتلىرى بەركىتىدىن تاكى نۇھ نەبىئۇللا زامانىدىن بۇ زامانغىچە بولغان ئالتە مىڭ يىل ياكى يەتتە مىڭ يىل مابەينىدە چىن ماچىننىڭ (250) ئەۋلادلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى خان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خانلىق دۆلىتى ۋە بەختىگە قۇسۇر يېتىپ، باشقا پادىشاھلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، باشقا تەختى سەلتەنەت قۇرۇلغانلىقىنى ھېچقانداق تارىخ كىتابىدا ئوچۇق يازغان ئەمەس.
لېكىن تارىخ كىتابلىرىدىكى تىزما بايانلارغا قارىغاندا، پىشىدادىيان پادىشاھلىرىدىن ئىسكەندەر رۇمى (251) دېگەن ئادەم ئالەمنى ئۆزىگە قاراتقان بىر پادىشاھ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاقىۋەت فەغفۇرچىن بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، سۇلھى تۈزۈپ ياندى. يەنە كېيىنكى پەيغەمبەر ئاخىر زامان دەۋرىدىكى پادىشاھلاردىن بولغان چىڭگىز قاغان بىرمۇنچە يۇرتنى ئۆزىگە قاراتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلۇغ خان سۇلھى تۈزۈشكە مايىل بولۇپ، قىزىنى چىڭگىز خانغا بېرىپ، ئۇنى كۈيئوغۇل قىلدى. چىڭگىز قاغان ئۆز يۇرتلىرىنىڭ قاتارغا ئېلىپ، ئۆز يۇرتىغا ياندى ۋە بۇ زېمىنغا مۇستەقىل پادىشاھلىق ھۆكۈمىنى جارى قىلالمىدى. شۇنىڭدەك ئەمىر تېمۇر كۆرەگانىمۇ [ئوقۇغىلى بولمىدى] نى ئۆزىگە مۇستەھكەم پادىشاھلىق ھۆكۈمىنى جارى قىلالمىدى. شۇنىڭدەك ئەمىر تېمۇر كۆرەگانىمۇ ئاقسىقىنىڭ ياتقان جايىنى نۇرۇغلۇق قىلسۇن! خاقانى چىننى بەلدەن غازان قىلىمەن دەپ، ئۆز يۇرتىدا ئۈچ يىل ئەسكەر جەملەپ، ئۈچ يۈز ئاتمىش ئالتە مىڭ نەفەر ياراملىق ئەسكەر تەييارلاپ، بېيجىڭنى مەقسەت قىلىپ، تاشكەنتنىڭ نېرىسىدىكى ئوترار دېگەن كونا شەھەرگە كەلگەندە، قىش-زېمىستانلىقى تۈپەيلىدىن ھاۋا ناھايىتى سوغاق بولۇپ كېتىپ، بۇ يەردە قىشلاپ، باھار كىرگەندە ئاتلىنىمەن دەپ تۇرغان چاغدا، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسكەر ۋە ئات-ئۇلاقلىرى شىددەتلىك سوغاقتا مۇزلاپ ھالاك بولدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەمراتى دۆلەتخاھلىرى مەسلىھەتلىشىپ: «سوغاق يامان بولۇپ كەتتى، شۇڭلاشقا تاشكەنت ياكى چىمكەنت، سايرامغا كىرىپ قىشلاپ، باھاردا يېنىپ چىقساق» دەپ ئەرز-مەلۇم قىلدى. ئەمىر تېمۇر كۆرەگانى بۇنى ئاڭلاپ، غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ: «مۇنچىلىك سوغاقتىن قورقۇپ، ئارقىغا يانغىنىم قانداق؟» دەپ، بارگاھىنىڭ ئالدىغا يالىڭ كۆينەك بىلەن چىقىپ، ساتراچ چاقىرىتىپ چاچ ئالدۇرۇشنى ئۆزىگە توغرا كۆردى. بۇ ھاۋا ناھايىتى سوغاق، دەل قىش پەسلى ئىدى. ساتراچ بولسا ئۇنىڭ چېچىنى ئېلىشقا باشلىدى؛ ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام بولسا ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىشقا باشلىدى. پادىشاھ شىددەتلىك سوغاق تۈپەيلىدىن مۇزلاپ قېتىپ قالدى دەپ بايان قىلىنىدۇ. ئۇمۇ شۇ سەۋەپ بىلەن بېيجىڭگە بېرىش مەقسىدىگە يېتەلمەي، كېيىنكى ئالەمگە يۈرۈپ كەتتى. بۇ بولسا خالىس خۇداۋەندى كەرىمنىڭ خاقانى چىن يۇرتىدىكى پادىشاھلارنىڭ پۇقرالارغا قىلغان ئادالەتلىك سىياسىتىنى ساقلىغانلىقى بولسا كېرەك.
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپ ۋە تەرەپلەردە پادىشاھلىق ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىدىن ئۆزگە پادىشاھلارنى كۆزگە ئىلمىگەن رۇسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ياكى فەرەڭگى ۋە باشقا پادىشاھلار بولسۇن، خاقانى چىننى قەست قىلىپ، نېيەتلىرىنى بۇزۇپ، قارار سائىتى، لېكىن ئۇلۇغ خان ئۇلارنىڭ ئالدىدا خۇددى ئېگىز بىر تاغقا ئوخشايدىكەن. ئۇ قەمرۇللاپ ھەرىكەت قىلغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، يەنىلا ئۆز پايتەختىدە مۇستەھكەم ئورۇنلاشقان ئىكەن. ئۆزىگە پادىشاھ ياكى ئۇلۇغلار بولسا خۇددى بىر دەرياغا ئوخشايدىكەن. چۈنكى دەريادىكى ئۆزگىلەرنى ھەرقانچە تاققا ئۇرغان بولمىسۇن، تاققا باراۋەرلىك قىلالماي، يەنىلا ئۆز جايىدا ئاقىدىكەن. خاقانى چىننىڭ دۆلىتى زور ۋە مۇستەھكەم بولۇشىدىكى سەۋەپ بولسا، ئۇنىڭ ئادالەتلىك، لۇتفى سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ۋە خاسىيەتلىرى، يۇرت پۇقرالىرىنىڭ كەڭرىلىكى، نېيەتلىرىنىڭ ساپ ۋە خالىسلىقى، كۆڭلىنىڭ كەڭلىكى ۋە خۇي-پېئىلىنىڭمۇ كەڭلىكى، ئېغىرلىقى ئەسەراتىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت.
ئۇنىڭ يۇرت-زېمىنلىرىنىڭ كەڭ ۋە موللىقىنى شۇنىڭدىن بىلىش مۇمكىنكى، ئۇ يۈز مىڭ نۇپۇزلۇق ئەللىك ياكى ئاتمىش مىڭ نۇپۇزلۇق ئادەم جەم بولغان شەھەرگە بىر چەجەي مەنسەپ قويىدىكەن. سەككىز چەجەي ئۈستىدە بىر خان ئامبان تۇرىدىكەن. تۆت خان ئامبان ئۈستىدە بىر جاڭجۈن تۇرىدىكەن. ئىككى جاڭجۈن تۆپىسىدە بىر زۇڭدۇ تۇرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلۇغ خان ئۆز ھۆكۈمىنى يىگىرمە بىر زۇڭدۇلۇق زېمىن ئىچىدىكى پۇقرالارغا جارى قىلىدىكەن دېگەن ھېكايىلەر بار. يەنە ھەر بىر زۇڭدۇغا قارايدىغان زېمىننى بىر سىڭ «ئۆلكە» دەپ ئاتايدۇ. ھازىرقى كۈندە بىر خان ئامبانغا قارايدىغان زېمىندىن ئىككى دانىسىگە خەۋەر ئالىدۇ. بۇ ھېساب بويىچە بولغاندا، ئۇلۇغ خاننىڭ ئىككى يۈز ئوتتۇز ئالتە خان ئامبانلىق پۇقرا زېمىنلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. بىز مەزكۇر تارىخچىدە لاۋ پادىشاھ ھۆكۈمەت ياۋۇقىرى يىپ تاغنىڭ سەلتەنەت ھەمشەمەتلىرىنى تەسۋىرلەپ تۇرۇپ بولدۇق. قىساس بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ پەقەت بۇنداق كەڭ زېمىن ئىچىدىكى بىر خان ئامبانلىق پۇقرا زېمىنىغىلا پادىشاھ ۋە ھۆكۈمران بولغان ئىكەن. دېمەك، ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلىتى كاتتا ۋە پۇقرا زېمىنىنىڭ كەڭرى ۋە تولالىقىنى مانا شۇنىڭدىن پەرقى قىساس ۋە تەمىناتنى قىلىپ بەلگە بىلىنەر.
ئۇلۇغ خاننىڭ ساپ ۋە خالىسلىقى يەنە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ قەدىمدىن باشلاپ ئۆز ئەجدادلىرىدىن قالغان پۇقرا ۋە زېمىنلىرىنى باشقا پادىشاھلارغا قويۇپ بەرمىگەن. باشقا پادىشاھلارنىڭ پۇقرا-زېمىنلىرىغا، ھەتتا ئۆز تەۋەسىدىكى پۇقرالارنىڭ مال-مۈلكىگە، خوتۇن، بالىلىرىغا كۆزىنى ئېچىپ نىيەت بۇزمىغان. چوڭ مەنسەپدارلار ياكى سودىگەر-مەيمەيچىلەردە بولسا يالغان سۆز ياكى يامان خىيانەت ۋە ھىلە-مىكىر يوق بولۇپ، بىر سۆز ۋە بىر قوللۇقتا ھەمكار ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئېغىرلىقى يەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدىكى، باشقا ئەتراپىدىكى پادىشاھلار گەرچە قاتتىق-يىرىك ياكى ئاچچىق-چۈچۈك سۆزلەرنى قىلىپ ئەلچى كىرگۈزسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۇلۇغلۇق ۋە ئېغىرلىق قىلىپ، بۇنى كۆڭلىگە ئالماي، كەڭلىك ۋە مۇلايىم-يۇمشاق سۆزلەر بىلەن جاۋاب بېرىپ، دوست-ئاشنالىق يولىنى تۇتىدىكەن. ئەگەر ھەرقانداق چوڭ ياكى كىچىك مەنسەپداردىن بىرەر گۇناھ سادىر بولۇپ، مەنسىپىدىن ئايرىلىپ كەتسە، ئۇلاردىن جەرىمانە ياكى «بەرغۇ» دەپ پۇل ئالمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەرقانداق يول بىلەن توپلىغان پۇللىرىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىدە قالىدىكەن. ئۇ مەنسەپ ئالغاننى گويا جان ئالغانىدەك كۆرىدىكەن. ئۇششاق پۇقرالىرى لى-قائىدىدىن چىقماي، ھەرقانداق جىنايەت ئىشلىرىنى قىلىدىغانلا بولسا، ئۇلۇغ خاننىڭ ئۇلار بىلەن ئەسلا كارى بولمايدىكەن. ئۇلاردىن «خەزىنە» دەپ پۇلمۇ ئالمايدىكەن. ئەگەر لى-قائىدە بىلمەيدىغان ئادەملەردىن بىرەر گۇناھ سادىر بولۇپ، ئۇلار لى-قائىدە بىلمەيمەن دېسە، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىدىكەن ۋە لى-قائىدە ئۆگەنگىن ياكى بىزنىڭ رەسىم-قائىدىلىرىمىزگە كىرگىن دەپ زورلۇق ياكى تەھدىت سالمايدىكەن. ھەرقانداق تەيىپە ئۆز دىنىي مەزھەپلىرىنىڭ يولىنى تۇتۇپ، مىللىتىدە مەھكەم تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلارنى ئوبدان كۆرىدىكەن. ئەگەر مەنسەپدارلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلمىسا، ئۇلار ھەرقانچە ئىش قىلسىمۇ كارى بولمايدىكەن؛ ئەگەر ئەرز قىلىدىغان بولسا، ئۇنى ناھايىتى نازۇك ۋە ئىنچىكىلەپ سوراپ، راست ياكى يالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەپتىش قىلىپ، ھەق بىلەن ناھەقنى بىر-بىرلەپ ئايرىپ، ئاندىن ئۇنى سوراققا تارتىپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىكەن.
تۆۋەندە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ خاننىڭ ئادالەت تەرەپلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق ئادالەت، قەھرى سىياسەتلىرىگە ئۆزى ناھايىتى قاتتىق دەرىجىدە ئەمەل قىلغانلىقىنىڭ سەۋەپ ۋە خاسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن، بۇنداق ئۇزۇن زامانلار مابەينىدە ھېچقانداق زور شەۋكەتلىك پادىشاھمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ۋە سەلتەنىتىگە يامان نىيەت بىلەن لەشكەر تارتىپ كېلىپ، نۇقسان ياكى ۋەيران قىلالمىغان. ھەرقانداق خان ياكى پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئادالەت ۋە لۇتپى سىياسەتلىرىنى ھەممە ۋاقىت ئۆز مەرتىۋە دەرىجىسى بويىچە يولغا قويۇپ، پۇقراپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى توغرا قىلغان بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغ شاھى بولغان ئاللاھ ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتى بىلەن، ئۇنداق پادىشاھلارنى يۇرتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ساقلاپ، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى ھەرقانداق چاغدا مەغلۇپ قىلىپ بېرىدىكەن.
شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ باي ۋە مول مەئىشەتلىك بولۇشى؛ يۇرتلارنىڭ ئاۋات ۋە مەمۇرىيلىقى، باغ، ئىمارەتلەرنىڭ ياخشى ۋە ئىگىز بولۇشى، غەللە مەئىشەت ھاسىلىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا پادىشاھلار سىياسىتىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ باي ۋە قۇۋۋەتلىك بولۇشى، پۇقرالارنىڭمۇ باي ۋە تەمەن بولۇشىمۇ ئەنە شۇ توغرا سىياسەت نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇن ئۆتكەن ھۆكۈمالار: «يۇرت دېگەن پۇقراسىز بولمايدۇ، پۇقراسىز بولسا يۇرت بولمايدۇ، مالسىز دۇنيا بولمايدۇ، مال-دۇنيانى پۇقرا جەملەيدۇ، ئادىل سىياسەت بولمىسا پۇقرا قانداق مال جەملەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئەنبىيانىڭ ھەدىس شېرىپىدىمۇ: «بىر سائەتلىك قىلغان ئادالەت بولسا ئاتمىش-يەتمىش يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەل» دەپ كۆرسىتىلگەن. تاڭلا كۈنىدىكى قىيامەتنىڭ جازا مەيدانىدا، خان ۋە پادىشاھلاردىن ئالدى بىلەن ئادالەتلىك توغرىسىدا سوراق قىلىنىدىكەن. ئەگەر ئادىل بولغان بولسا، باشقا سوئاللارنىڭ جاۋابىمۇ ئاسان بولىدىكەن. قۇدرەتلىك ئاللاھ زامانىنىڭ زاھىدلىرى ۋە دەۋرانىنىڭ ئابىدلىرى يەتمىش يىل رىيازەت-مەينەت تارتىپ، ئىبادەتلىرىنى قىلىپمۇ مۇيەسسەر بولمىغان خىسلەتلەرنى بولسا، ئادىل پادىشاھقا بىر سائەتتىلا كارامەت قىلىپ بېرىدىكەن. بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەت بولسا خان، پادىشاھ، مەملىكەت ئەمىرلىرى ۋە ھاكىمى ۋىلايەتلەر، قازى قۇززاتلار، شەرىئەت ئىگىلىرىگە نەسىپ بولالايدىغان ۋەزىپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن نايىبلارنىڭ مىڭبېشى، يۈز بېشى، ئىمام، مۇئەززىن، بەلكى ھەر بىر ئۆيگە ئۇلۇغ بولغانلارمۇ، ئۆزلىرىگە بېقىندى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئادىل سىياسەتلىك بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۇلار ئۆزىگە مەنسۇپ ئەھلى-ئاياللىرى ۋە بالا-پەرزەنتلىرى، غۇلام-چاكارلىرى قاتارلىقلارغا ئادالەتلىك قىلىدىغان بولسا، ئۇلار بۇنىڭدىن ساۋاپ ۋە نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئادالەتلىك قىلىدىغان جايغا ئادىللىق قىلماي سۇسلۇق قىلسا، زۇلۇم پەيدا بولىدۇ. ئەگەر سىياسەت قىلىدىغان جايغا سىياسەت قىلماي ئەپۇ قىلسا، يەنە ئوخشاشلا زۇلۇم پەيدا بولىدۇ. ئادىللىقتىن قانداق ساۋاپ ۋە نەتىجە ھاسىل بولسا، سىياسەتنىمۇ ئۆز ئورنىدا جارى قىلسا، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا ساۋاپ ۋە نەتىجىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ. پادىشاھلارغا ئادىللىق قىلماسلىققا ئىلاجى يوق. شۇنداقلا سىياسەت قىلماسلىققىمۇ ئەسلا چارە يوق. خۇدانىڭ رازىلىقىغا ئىگە بولغان بارلىق شەرىئەتشۇناس مۇجتەھىدلەرنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىك ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، لېكىن تازا زۆرۈرلۈكى كەشپەسە، ئۆزگىچە ئىشلارغا رۇخسەت قىلىپ پەتىۋا بېرىپتۇ. شۇڭلاشقا پادىشاھلار بەزى چاغدا شەرىئەت بويىچە ئۆلۈم ۋاجىپ بولمايدىغان جايلاردىمۇ ئاممىنىڭ مەنپەئەت ۋە زىيانلىرىنى كۆزلەپ، ئىبرەت ئۈچۈن قەتلى سىياسەتنى راۋا كۆرۈپتۇ. پۇقرا ۋە خالايىقنىڭ تىنچلىقى، يۇرتلارنىڭ ئاۋاتلىقى بولسا ھامان پادىشاھى ئىقتىدار ئىگىلىرىنىڭ سائادەتلىك قەدەملىرى ۋە لۇتپى سىياسەتلىرىنىڭ ئەسەر ۋە خاسىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئەي ئىلاھى كەرىم! ھەممە جاھان خاقان ۋە دەۋران پادىشاھلىرى، زامان ھاكىملىرىنىڭ مۇسۇلمان ياكى دىنسىز كاپىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا ئۆز كامالى قۇدرىتىڭ بىلەن شىنساپ ۋە تەۋپىقى ھىدايەت ئاتا ئەيلەپ، ئۇلارنىڭ ئادالىتىنى كۈندىن-كۈنگە تازا ۋە پۇقراپەرۋەرلىكىنى چەكسىز قىلغايسەن، ئامىن! ئەگەر پادىشاھ ۋە ھاكىمى ۋىلايەتلەر ئادىللىق ۋە سىياسەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالسا، پۇقرا-خالايىق پادىشاھلارغا، ھاكىمى ۋىلايەتلەرگە بىرەر ناشۈكرىچىلىك ۋە يامان نىيەت باغلايدۇ-دە، بىرمۇنچە نارەزە-رىسىدەلەر، ئازارلىقنى باغلايدۇ. بۇ ئىش ھەممە ئىنسان خەلقىگە كۈندىنمۇ روشەن ئىشتۇر. شۇڭلاشقا، ھەممە پادىشاھ ۋە ھاكىملار ئادىللىق، رەھىم-شەپقەتنى ئۆزىگە ناھايىتى كېرەكلىك بىر پەرز دەپ بىلىشى لازىم. ھەممە پۇقرانىڭ پادىشاھ ۋە ھاكىملارغا ھەممە ۋاقىت شىنساپ، ئادالەت ۋە تەۋپىقى ھىدايەت ئاتا قىلغايسەن دەپ دۇئا قىلماقلىرىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز بوينىدىكى ۋاجىپ ۋە قەرز دەپ بىلىشى لازىم.
ۋەز-نەسىھەتلەرنىڭ ئاخىرى
ئەي بۇرادەر ئېھتىرام ئىگىلىرى، زىھنى ئالى، ئاقىۋىتى ياخشى بۇرادەرلەرگە خۇلاسە سۆز بولسۇنكى، ئىنساپسىز كاپىرلار ۋە بىسەرەنجاملارنىڭ جەۋرى-زۇلۇم، تەئەددىلىرىنى ئاجىز پۇقرالار كۆتۈرەلمەي، ئۇلار ئالەم پاناھىغا ئۈمىد ئىزدەپ، كۆز ياشلىرىنى تۆكتى. ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا زارى-نالىلىرىنىڭ ئىجابىتىگە مۇيەسسەر بولدى. ئاللاھ بۇ ئىسلامنىڭ [ئوقۇغىلى بولمىدى] جەننەت ۋە باقى خۇشاللىق ئالەمىگە كىرگەندەك شادى-خۇرام بولۇپ، مۇبارەكبادلىق ساداسىنى پەلەككە كۆتۈرۈشتى. بۇ خوجاملارمۇ زۇلۇم ئىشىكىنى تېزلا ئاچتى. لېكىن بۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ شەكلىنى تېزلا ئاچچىق، پۇقرالار خالايىق يەنە ئاللاھ دەرگاھىغا سېغىنىپ، ئالە-زارىغا چۈشتى. ئۇ قۇدرەتلىك ئاللاھ يەنە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىجابەتكە مۇيەسسەر قىلدى. بۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇھەممەت ياقۇپ بېگ ئاتالىق غازىنى پەيدا قىلدى. بۇلارنىڭ خوجاملارنىڭ دەستى-ئىلكىدىن ۋە ئالۋاڭ چۈشۈرگۈچىلەرنىڭ قۇتۇلغانلىقىغا ئامان شۈكرانە ۋە دۇئا-تەكبىرلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، بىر-بىرىنى مۇبارەكلىدى، ۋە پۇت-قولىنى بىر قانچە ۋاقىت كەڭ يايغان بولدى. بىراق، ئاخىرى ئاتالىق غازى دۆلىتىنىڭ مەجەز-خۇلقى ئۆزگىرىپ، نالايىق ئىشلارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. پۇقرا-خالايىقنىڭ ئاقىتى يەنە تاغ بولۇپ، يۇرت خالايىق تۈۋەندى. ئۇلار يەنە شۇ ئالەمنى ياراتقۇچى ئاللاھ دەرگاھىغا يۈزىنى سۈرتۈپ، كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، خاقانى چىننى ئارزۇ ۋە تەلەپ قىلىپ، ئالە-زارىنى پەلەكتىن ئۆتكۈزدى. ئاخىرى شۇ ھايات ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ئىجابىتى بىلەن فەغفۇرچىن مەنسەپدارلىرىنىڭ قەدىمى بۇ يۇرتقا يەتتى. ئۇلار بۇ زېمىننى شەكىلگە كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-بابا ئەجدادلىرىدىن قالغان مۈلكى مىراسىغا، بەلكى بۇ جايدىكى تەختى مىراسقا ئىككىنچى قېتىم ئىگە بولدى. ھەممە پۇقرا - خالايلىق ھەتتا بۇرۇنقى ئەمەلدارلارمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ خان - تۇغقانلىرى ياكى ئاتا - ئانىلىرى ئىككىنچى قېتىم تىرىلىپ كەلگەندەك خۇرسەن بولۇپ، ئىچ - ئىچىگە سىغماي، خۇددى غۇنچىدەك ئېچىلىپ كەتتى. بۇلار ھەققىدىكى ھىكايە ۋە داستانلار يۇقىرىدا قىسقىچە بايان قىلىندى.
بۇ سۆزلەرنى يېزىشتىكى مۇددىئا ۋە غەرەز بولسا، پۇقرا - خالايقنىڭ، بەلكى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ بۇ ئالەمنى ياراتقۇچى قۇدرەتلىك ئاللاھ دەرگاھىنىڭ تەقەددۇسى ئۈچۈن يىغا - زارە قىلىپ قول كۆتۈرۈپ قىلغان دۇئالىرى ھەرگىزمۇ بىكار كەتمەيدىكەن. قۇرئانى كەرىمدە قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەندەك، خالايق ھەرقانداق زامان ۋە دەردتە پەقەت چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدىغانلا بولسا، ئۇ ھاجەت ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ئىجابەت قىلىشى ھەقىقەتتۇر. يەنە خۇددى ئېزىلگۈچىلەرنىڭ، ھەتتا بۇ ئېزىلگۈچىلەر كاپىر بولسىمۇ ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن قورقۇڭلار، چۈنكى ئۇنداق دۇئا ئىجابەتكە يېقىندۇر دەپ كۆرسىتىلگەندەك، ئاجىز بىچارىلەردىن قورقۇش لازىم، چۈنكى ئۇلار كاپىر بولسىمۇ ئىجابەتكە ئېرىشەلەيدۇ. خۇداۋەندى كەرىمنىڭ يۈز مەخلۇقلىرى ئىچىدىكى قايسى مەخلۇق، قايسى تەبىقە ياكى قانداق بىر ئىنسانغا رەھىم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنىڭ دۇئالىرى دەرگاھى ئىسلامغا يېتىپ، ئىجابەتلىك دەرىجىسى ۋە شارائىتىغا ئېگە بولۇشى بۇ بەندىلىرىنىڭ ئەقلى - ئىدراكىلىرى ياكى كۆزلىرىگە نامەلۇمدۇر، بەس. شۇڭلاشقا پۇقرا - خالايقنىڭ، بەلكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ نالە ۋە ئاھ - زارىدىن ئەلۋەتتە ئېھتىيات قىلىش لازىم.
لىكىن، بۇگۈنكى تارىخى كۈنلەردە [ئوقۇغىلى بولمىدى] يەنە ئىنساپتىن ۋاز كېچىپ، ئادالەت سىياستىلىرىنى تەپچىشىگە ئېلىپ قويۇپ، زۇلۇملىرىنى لەھزە - لەھزە كۆپەيتىشكە باشلىدى. ئاجىز، بىچارە، جاپاكەشلەرنىڭ كۆز ياشلىرى يەنە تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئىلەھى، ئۆز كالىمالى قۇدرىتىڭ بىلەن پادىشاھلارغا ئادالەت، پۇقرا - خالايققا تەۋپىقى ھىدايەت ئاتا قىلغايسەن. بۇ زاماننىڭ ئاقىللىرى، بارلىق مۆمىن - مۇسۇلمانلار ھەرقانداق ياخشى ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىر ۋە ئىرادىسىدىن تاشقىرى ئەمەس دەپ بىلىپ ۋە ئەقىدە قىلىپ، راست ۋە دۇرۇس ئەقىدە بىلەن، ئۆز ئىمانلىرىنى توغرىلاپ، مەخلۇقاتلارنىڭ لۇتپى - ئېنايىتى ۋە شەپقەتلىرىگە پرۋا ۋە ئىلتىپات قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر ھەرقانداق ئادەم ياراتقان ئاللاھنىڭ ئىلتىپات ۋە شەپقەتلىرىنى ئۇنتۇپ، باشقا مەخلۇقلاردىن ۋاپا، مەرھەمەت ياكى ئىلتىپات، شەپقەت تەما قىلسا، ئانداق ئادەملەرگە مەزكۇر مەخلۇق دۈشمەن بولۇپ، ۋاپانىڭ ئورنىغا جاپانى، ئىلتىپات ئورنىغا غەزەپنى يەتكۈزىدۇ. بۇ ھەممە ئىنسان خىلىغا روشەن ۋە ئاشكارا مەسىلىدۇر. خۇش، مۇبارەك، ئالدى بىلەن ئۇ شەرەپلىك ئادەم ئاقىبەتكە مەنپۇپ بولۇپ، ھەر قانداق ئىش ۋە ھەرقانداق زاماندا ئۇ ياراتقۇچى ئاللاھ تەرەپكە مايىل بولۇپ، ئۇنىڭ رەھمى - شەپقەتلىرىگە ئۇستۇۋار بولۇپ، بىر قىلىغا نۇرلوق قۇرئان كىتابىنى، يەنە بىر قولىغا رەسۇلۇللاھنىڭ نۇرلوق ھەدىس كىتابىنى مەھكەم تۇتۇپ، بالا ۋە قازانىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر توغرا ئېنىق يولنى تاللاپ ماڭسا، ئۇ سەلتەنىتى ئۇلۇغ بولغان ھەقىقىي پادىشاھ ۋە سۇلتان ئۇلارنى ئۆز ھىمايىچىلىقىنىڭ ئىچىدە ئاسراپ، يامان پادىشاھلارنىڭ زۇلۇم ۋە غەزەپ سىياستىلىرىدىن، ھەتتا دىنسىزلارنىڭ يامانلىقلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ خاس بەندىلىرى قاتارىدىن ئورۇن بېرىدۇ ھەم ئۆز كالىمالى قۇدرىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئەڭ ئالىي دەرىجە ۋە مەرتىۋە ئاتا قىلىدۇ.
ئەي پەزىلەتلىك ۋە قۇدرەتلىك ئاللاھ! سەن ھەممىگە تەۋپىق، مېھرىبانلىق ۋە توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇرسەن – ئامىن!
خاتىمە
موغۇلىستان تەۋەلىكىنىڭ ھۇدۇدى ۋە ئەھۋالاتى، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ئايرىم - ئايرىم بايانلىرى، ئادەملىرىنىڭ پېئىل - ئەطۋارى ۋە ئادەت - قائىدىلىرى، مازارى - مەشايىخلارنىڭ قىسقىچە زىكرى ۋە ئىنچىكە نەمۇنە بايانى
زامانە ئاقىللىرى ۋە دانالىرى، دەۋران پەزىللىرى ۋە ئالىملىرىنىڭ ئوچۇق كۆڭۈللىرىدىن يېپىق ۋە مەخپىي قالمىغايكى، تارىخ كىتابلىرىدا، خۇسۇسەن بۇ يەتتە شەھەردە ۋالىي ۋە ھۆكۈمەت تۇتقان مىرزا ھەيدەر كۇرەگانى (خۇدا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلوق قىلسۇن!) نىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق كىتابىدا قەدىمقى پادىشاھلارنىڭ يارلىق ۋە پەرمانلىرى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، بۇ موغۇلىيە ھۇدۇدىنى بايان قىلىپتۇ. ئۇنىڭ بايانىچە بۇ موغۇلىستاننىڭ شەرق تورى ھۇدۇدى بارىكۆل ۋە قامۇل (قۇمۇل)، شىمالىي ھۇدۇدى كاتتا دىگەر، غەربىي ھۇدۇدى تاشكەنت تەۋەسىدىكى چاقسامان ۋە ئەندىجان تەۋەسىدىكى سامىنغىر، لەلى بەدەخشان، جەنۇبىي بولسا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ۋىلايىتىدۇر. بۇ ھۇدۇد ئىچىدىكى زېمىننىڭ توغرىسى ۋە كەڭلىكى ئۈچ ئايلىق يولدور. قەدىمقى ھۆججەتلەردە بۇ ھۇدۇد ئىچىدىكى زېمىننى «موغۇلىستان» دەپ ئاتىغان. چۆچەك قاتارلىق جايلار بۇ ھۇدۇد ئىچىگە كىرىدۇ. موغۇلىستان مەملىكىتى ئىچىدىكى شەھەرلەرنى يەتتە شەھەر دەپ ئاتاپتۇ. يەتتە شەھەر دېگەن كاشغەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، كۇچار ۋە كۆپىنچە تورپان قاتارلىق جايلاردىن ئىبارەت. لېكىن خاقانىي ئەھلى بۇ يەتتە شەھەرنى نەنلۇ باچې دەيدۇ. بۇ جەنۇب تەرەپتىكى سەكىز شەھەر دېگەن بولار ئىمىش، ھالبۇكى ئۇنىڭ سەكىزىنچىسى كورلا بولسا كېرەك. قەدىمقى مۇسۇلمان خانلىرى دەۋرىدە بۇ يەتتە شەھەرنىڭ پايتەختى يەكەن بىلەن تۇرپان ئىكەن.
بۇ يەتتە شەھەر زېمىنىدا مەشايىخى كىراملار، ئالىي مەقام ۋە ئەۋلىيائى ئىزاملارنىڭ زىيارەتگاھى ناھايىتى تولا. لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ئىسمى - نەسەپلىرى ۋە نامى، تەزكىرىلىرى مەلۇم ئەمەس. ئەگەر ئىسمى - تەزكىرىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ كۆپچىلىكىنىڭ تەزكىرىلىرى يەنىلا قەدىمقى كىتابلارغا مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى ھەر زاماننىڭ ئادەملىرىدىن بىرى تارىخ كىتابلىرىغا قارىماي ئۆز مۇددىئالىرىدەك تەزكىرە قىلىپ پۈتۈپ ئۆتكەن بولسا كېرەك. مەسىلەن بەزى مازارلارنىڭ نامىنى قوشقار ئاتا، خوراز ئاتا، توغراق مازار، كۈمۈش كۆزلۈك ئاتا، ساقال ئاتا، بۇغرا ئاتا دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەسلى ئىسمى نامەلۇم بولغانلىقتىن، ئەنە شۇ ناملار بىلەن مەشھۇر بولۇپ قالغان ۋە ئۇلارنىڭ تەزكىرىسىمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق قىلىپ توپلانغان بولسا كېرەك. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بۇ ناملاردىن باشقا بولسا كېرەك. بۇلار ئۆز ئورنىدا بايان قىلىنىغۇسىدۇر. ئىنشائاللاھۇلغەپۇر!
گېپىنىڭ قىسقىسى شۇكى، ئۆتكەنكى ۋە كېيىنكى ھۇكەما، مۇھەندىسلەر پۈتۈن زېمىن دائىرىسىنى يەنى جەزىرە - بايابانلىرى بىلەن ئاۋات يەرلەرنىڭ دەرىجە - دەقىقە جەەدۋەللىرىنى ئوچۇق تۈزۈپ چىققان ئىكەن. ئۇلار ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇز سەييئارىلىرى بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ شەرقىي چېكىدىن غەربىي تامامىغىچە بولغان زېمىن يۈزىنى يەتتىگە تەقسىم قىلىپ، ھەر بىر تەقسىمىنى بىر ئىقلىم دەپ ئاتاپتۇ. ھەر بىر ئىقلىمغا يەتتە يۇلتۇزنىڭ بىرىنى مەنپۇپ قىلىپتۇ. مەسىلەن ئەۋۋەلقى ئىقلىمغا زۇھەلنى، ئىككىنچى ئىقلىمغا مۇشتىرىنى، ئۈچىنچى ئىقلىمغا مېرىخنى مەنپۇپ قىلغان ئىكەن… بۇ قىياپ بويىچە يەتتە يۇلتۇزنى يەتتە ئىقلىمغا نىسبەتلەشتۈرگەن ئىكەن. ھەرقايسى ئىقلىمغا تەئەللۇق ئادەملەرنىڭ پېئىل - خۇيلىرى، رەڭگى - ئۆيى ۋە مىجەزلىرى تەئەللۇق شەھەر، دەريا، جەزىرە - بايابان ۋە ئاۋات يەرلىرىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ، تارىخ توپلىغان دانا مۇئەللىپلەر ئۆز كىتابلىرىنىڭ خاتىمە - ئاخىرىدا بۇ ئەھۋاللارنى تەپسىلىي بايان قىلىپ رىسالىلىرىگە زىننەت بېرىپتۇ. لېكىن كەمىنە مەنكى بۇ نادان ۋە تەامامەن يېتەرسىز، ئاجىز، بىچارە ئۇ ئەمرى ئەزىملەرنىڭ بۈيۈك ئىلمىنى تەتقىق قىلىشقا ئاجىز بولغانلىقىم ئۈچۈن، يەتتە ئىقلىمنى بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا يەتتە شەھەرنى ۋە ئادەملىرىنىڭ بەزى ھال - ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۇلارنى بۇ ۋاراق سەھىپىسىگە تىزىپ يازدىم. ئاللاھ ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغۇچى ۋە ياردەم قىلغۇچىدۇر.
مەزكۇر يەتتە شەھەر
كاشغەر
شەھەرنىڭ ئەڭ ئالالىرىنىڭ ئالاسى كاشغەر بولۇپ، بۇ ناھايىتى كونا، داڭلىق ۋە مەشھۇر شەھەردۇر. ئادەملىرىنىڭ خۇلقىغا كەلسەك، ئۇلار تۇزلىما ۋە ياخشى كىشىلەرگە دۆست ۋە ئامراق كېلىدۇ. سەپەر ۋە مۇساپىرلارنى ھەۋەس قىلىدۇ. گەرچە ئۇلار ئۈلپەت ۋە مۇھەببەتتە دانا ھەم مۇلايىم سۆزلۈك، چاقچاقچى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاقىبەتسىزلىك ۋە ناكەسلىك قىلىدۇ. ئەمما بۇ شەھەردىكى ئۆلىمالارنىڭ ئىلىم تالىپلىرىغا رىۋاج بېرىش، پەزىلەت ۋە ساھىبى دۇئالارغا روناق بېرىش، تىجارەتچىلەر ۋە دەھقان ئاشپەزلەرنىڭ ئۆشرە - زاكات ۋە خەيرى - سىدىقە بېرىشى، ئەھلى كۆپ ۋە ئۆنەرۋەنلەرنىڭ تىرىشچانلىقى جەھەتتە باشقا شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە قارىغاندا ئۈستۈن ۋە زىيادە تورىدۇ. خۇسۇسەن، ئۆلىمالار رىۋاجى ۋە سودىگەرلەرنىڭ سودا - تىجارىتى بابىدا ئۇ شەھەر گويا ئىككىنچى بۇخارا دەپ ئاتالسا ئەسلا مۇبالىغە بولمايدۇ. ئادەملىرىگە قارىغاندا، يەر زېمىنى ئاز، غەللە - مېۋىچىلىكى ئۆز شەھىرىگە كۇپايە قىلمايدۇ. ھەر ھەپتىدە ئىككى مىڭ ئېشەك ئاشلىق يەكەندىن كەم بولماي كاشغەرگە كېلىپ تۇرىدۇ. يايلاق - ئوتلاقلار ئاز، چارپاي ئاز.
كاشغەر زېمىنىدا مازارى مەشايىخى كىراملاردىن ھەزرىتى ئاپاق دېگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى خوجا ھىدايەتۇللاھ خوجا ئىبن يۈسۈپ خوجا ئىبن مۇھەممەد ئامىن خوجا ئىبن مەخدۇمى ئەئزەم قۇددىسە سىرڕۇھۇلئەزىزدىر. بۇلارنى تەرىپلەپ سۈپەتلەشنىڭ يەنە ھاجىتى يوق.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى دېگەن بولۇپ، ئۇنى ئەپراسىياپنىڭ ئەۋلادى دەپ زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇ تارىخ ھىجرى ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلىدىن (مىلادى 943 - 944- يىلى) ئۆتكەندە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ تىرىشىپ دالالەت قىلىشى ئارقىسىدا، ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت شەرىپىگە ئېگە بولۇپتۇ. بۇ يەتتە شەھەر ئەھلىمۇ بۇ زاتى شەرىپنىڭ بەرىكەتلىك قەدەملىرى بەرىكىتىدىن ئىسلامى شەرىپنى قوبۇل تۇتۇپ مۇسۇلمانچىلىق دائىرىسىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ. تارىخ ھىجرىنىڭ ئۈچ يۈز يەتپىشىنچى يىلى (مىلادى 980 - 981- يىلى) خوتەن ئەھلىمۇ ئىسلامى شەرىپنىڭ دۆلەت شەرىپىگە ئېگە بولۇپتۇ. ھەدىسى شەرىپتە تۈركلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام دىنىغا كىرگۈچى كىشى بولسا ساتۇقتۇر دېگەن سۆز دەل مۇشۇ زاتنىڭ شۈئانىغا مەنپۇپتۇر. بۇنىڭ زىيارەتگاھى ئارتۇش دېگەن جايىدا مەشھۇردۇر. يەنە سەييىد جالاتىدىن باغدادى قۇتبۇللاھ خوجام، ھەسەن پەيزۇللاھ خوجام ئوردا پادىشاھىم يەنى قىزىل ئارسلانخان دەپ ئاتالغان مازار - مەشايىخلار بار، تەزكىرىلىرى تېپىلمىدى. بۇلاردىن باشقا مازارى شەرىپلەر ۋە قەدەملىك زىيارەتگاھى بارلار تولا، قىسقىچە شۇنچىلىك يېزىلدى.
يەكەن
يەكەن قەدىمقى كونا شەھەردۇر. ئادەملىرىنىڭ خۇلقى - مىجەزى بىچارە سۈپەت، ئۆز ئىشلىرىغا پوختا ۋە پىششىق. ئىشان، ھەزرەت، ئەپەندى، ساھىبلارغا بولغان ئەقىدە - ئىخلاسلاملىرى ۋە ئۇلارغا ياردەم ۋە رىۋاج بېرىشلىرى ئېغىر. كىم چىقسا مۇساپىر تەبىقەلەر تولا، ئۆزلىرى بولسا مۇساپىرەتچىلىككە قاتالمايدۇ. ھەممە ئادىمى دېھقان، ئاشپەز بولۇپ، زېمىنى كەڭرى ۋە باي، غەللە ھوسۇلى ئۆز شەھىرىگە كۇپايە قىلىدۇ، بەلكى ئېشىپمۇ قالىدۇ. يايلاق ۋە قىشلاقلار بىپايان، چارپاي ۋە قوتازلىرى ئىنتايىن كۆپ، يېمىشلىرى پاراۋان، غەللىسى كەڭرى ۋە ئەرزان، پورتلىرى پايانسىزىدۇر.
مەشھۇر مازارلاردىن مول نۇر چاچقۇچى خوجا مۇھەممەد شەرىپ پىرى بۇزرۇكۋار دېگەن مازار بار. يەنە ھەپتە مۇھەممەدان دېگەن مازارى شەرىپمۇ بار. ھەپتە مۇھەممەدان دېگىنىگە قارىغاندا، بۇ جايىدا مۇھەممەد ئاتلىق يەتتە مەشايىخ ياتقان بولسا كېرەك. بۇلار چىلتەنلەردىن ئىكەن دېگەن رىۋايەت بار. يەنە ئالتۇن مازار دېگەن بىر زىيارەتگاھمۇ بولۇپ، بۇ قەدىمقى مۇسۇلمان خانلىرىدىن بولغان سۇلتان سەئىدخان باھادۇر زامانىدىن تا ئىسمائىلخان ئىبن ئابدۇرەشىدخان ۋە مۇھەممەد ئامىنخان زامانىغىچە بولغان ئىككى يۈز يىلغىچە، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە بىر مۇنچە خانلار يەتتە شەھەرنى سۆراپ، يەكەننى پايتەخت قىلىپ ئۆتكەن ئىكەن. موغۇللار خانلارنىڭ جەسەتلىرى بار يەرلەرنى، بەلكى خانلارنىڭ جەسىدىنىمۇ ھۆرمەتلەپ ۋە ئىززەتلەپ «ئالتۇن» دەپ ئاتايدىكەن. ھەتتا خانلارنىڭ نەزىرى چۈشكەن ياكى قولىغا تەگكەن، مۆھۈرى باسىلغان ھەرپلىك ۋە نىشات خەتلىرىنىمۇ ئۇلۇغلاپ «ئالتۇن نىشان»، «ئالتۇن دەستەك» دەپ ئاتايدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ مازارمۇ ئالتۇن مازار دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بولسا كېرەك.
يەنە مەخدۇمى ئەئزەمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن خوجا شۇئەيب خوجام، خوجا شادى خوجام ۋە دانىيال خوجاملار باشلىق خوجا ئىسھاق ئىبن مەخدۇمى ئەئزەمنىڭ بىرنەچچە ئۆلاد - نەۋرىسى بولغان سەييىدزادىلەرنىڭ مازار تەبەررۈكلىرى بار. يەنە باشقا مازاراتلارمۇ كۆپ.
خوتەن
خوتەن ناھايىتى كونا ۋە قەدىمقى مەشھۇر شەھەردۇر. ئادەملىرىنىڭ خۇلقى - مىجەزىگە قارىغاندا، بىر سۆزلۈك، بىر قوللۇق، بىر نىيەتلىك ۋە ئانچە ئىنساپلىق، پىششىقلىقتا بىنىزىر، بېخىللىقتا تەڭداشسىزدۇر. تەقۋا، پەرھىزكارلىرى تولا، بىراق يامانلىرىمۇ ئاندىن تولا. ھەممە ئادەملىرى كاسپ - ھۈنەرۋەن، تەبىئەت - ئىدراكى پاكىز، زېھنى يۈگرۈك بولۇپ، ھەرقانداق ھۈنەرنى ئۆز كالىمالىغا يەتكۈزۈپ، خېرىدارغا يارىغۇدەك قىلىپ ئوبدان كۆرسىتىپ، ئۆز قولىدىن ئۆتكۈزۈپ نەق پولىنى ئېلىشقا كامىل ۋە قابىلىيەتلىكتۇر. بۇ جايدىن مەشھۇر يىپەك تولا چىقىدۇ. ئالتۇن كانى بار، سۇ - تېشىمۇ تەيار. سودىگەر ئاشپەزلەر تەرەپ - تەرەپتىن قانچە كۆپ پول ئېلىپ كېلىپ مال ئالسىمۇ، پولى تۈگەپ كەتسە كېتىدىكەن، لېكىن مال تۈگەپ كەتمەيدىكەن. خوتەندىن باشقا شەھەرلەرگە مال چىقسا چىقىپ كېتىدۇ، لېكىن ئالتۇندىن باشقا پول ئەسلا چىقىپ كەتمەيدۇ. ئادەملىرىگە قارىغاندا يەرلىرى ئاز ۋە كۈچسىز، بەلكى كۆپ قىسمى قۇملۇقتۇر، مەھسۇلاتىمۇ كەمچىل. مېۋە - يېمىشلىرى بولسا ناھايىتى مول ۋە كۆپ، يايلاق - بايابانلىرى بىپايان، چارۋا - ماللىرىمۇ ناھايىتى كۆپ.
خوتەن زېمىنىدا ناھايىتى مەشھۇر بولغان ئېمام [ئوقۇغىلى بولمىدى] رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبرىسى بار. بۇ چوڭ زىيارەتگاھى ئالىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەممە خالايىق ئېمام جەپەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇبارەك جەسەتلىرى خوتەن دىيارىدا دەپ ئەقىدە - ئىخلاس قىلىدۇ. لېكىن تارىخ كىتابلىرىدا، بولۇپمۇ «رەۋزەتۇسسىپا» دېگەن كىتابتا ئېمام جەپەر سادىق بولسا ئېمام مۇھەممەد باقىرنىڭ ئوغلى، ئۇ بولسا ئېمام ئەلى يەنى لەقىبلىرى زەينۇلئابىدىن ئىبن ئېمام ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. ئېمام جەپەر سادىق بولسا خەلىپە ئابباسىيە دۆلىتىنىڭ جەپەر دەۋانىقى زامانىدا يەنى تارىخ ھىجرىنىڭ بىر يۈز قىرىق سەكىزىنچى يىلى (مىلادى 765- يىلى) ۋاپات بولدى ۋە دادىسى مۇھەممەد باقىر، بوۋىسى زەينۇلئابىدىننىڭ يېنىدا دەپنى قىلىندى، مۇبارەك جەسەتلىرى بەقىئە گورىستانلىقىدا دەپ زىكىر قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا جەپەر ناملىق بىر ئالىي مەقام مەشايىخ سۈننەت يوللىرىنى كالىمالەت دەرىجىسىگە يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئېمام ۋە پېشۋالىق مەرتىۋە ۋە دەرىجىسىنى تاپقان بولسا كېرەك. شۇنداقلا ئۇ زاماندىكى مۇرىت - مۇخلىسلىرى بۇ كىشىنى «ئېمام جەپەر سانى» (ئىككىنچى ئېمام جەپەر) دەپ ئاتىغان بولسا كېرەك. «سانى» سۆزى بەلكى ئاممىنىڭ جانلىق تىلىدا «سادىق» دېگەن خاتا سۆزگە ئايلىنىپ قالغان بولسا كېرەك. چۈنكى «سانى» سۆزى بىلەن «سادىق» دېگەن سۆز مەيلى ۋەزىن ياكى مەخرەج جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن كېلىدۇ. بەلكى ھاجەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ روزى، رىيازەت ۋە سۈننەتنى ئۆز كالىمالىغا يەتكۈزگەن ئېمام جەپەر سانىغىمۇ ئېمام جەپەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلەت - پەزايىللىرىنى ئاتا قىلسىمۇ ھەجەپ ئەمەس. چۈنكى بۇ ئەفرا سىياپ ۋە كەيكاۋۇس دېگەنگە ئوخشاش ھەم ئۇلارنىڭ بۇنداق يېغىلىشىدىن قورقۇپ بىدار بولغانلىغىنى كۆرۈپتۇ. ئەتىسى ھەلقىگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، تەۋەججۆھ ۋاقتىدا جانابى ھەزرەت ئىلتىپات قىلىپ، ئونىڭدىن “ئەفرا سىياپ ۋە كەيكاۋۇسنى كۆردۈڭمۇ، ئۇلار باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى ئىككى كاپىردۇر” دەپتۇ. ئۇ مۇرىدى ئۆز چۈشىدە كۆرگەنلىرى بولسا جانابى ھەزرەتنىڭ ئىشارىتى ئىكەنلىگىنى بىلىپ، يىغلاشتىن توۋا قىلىپ، ئىككىنچى قېتىم جەڭنامە ئوقۇغان يەرگە بارماپتۇ.
جانابى ھەزرەتنىڭ يەنە موللا ئابدۇلكىرىم ناملىق بىر ياش مۇرىدى بار ئىكەن. ئونىڭ بىر ئېشىكىمۇ بار ئىكەن. بىر كۈنى ئەتىگەندە بۇ ئېشەك بىكار بولۇپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئىزدەشكە ئادەم بۇيرۇپ، ئۆزى ھەلقە زىكىرگە ھازىر بولۇپتۇ. لېكىن كۆڭلىدە ئېشەك نەگە كەتكەندۇ، قاچان تېپىلار دەپ، كۆڭلى پەرىشان بولۇپ تەشۋىشلىنىپتۇ. بۇ چاغدا تەۋەججۆھ نۆۋىتى ئۇنىڭغا كېلىپ قاپتۇ. جانابى ھەزرەت تەۋەججۆھ بېرىپ تۇرۇپ، بېشىنى ئۈستۈن قىلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ “ئەي كىچىككىنە بىر ئېشىكىڭنىڭ يوقالغانلىغىغىمۇ شۇنچىلىك پەرىشان بولامسەن؟ خاتىرجەم قىل، ئېشىكىڭنىمۇ تاپالايسەن، ئاتقىمۇ ئىگە بولالايسەن” دەپ مەرھەمەت قىلىپتۇ. ئۇ يىگىتتىن توۋا قىلىپ، تەۋبىنى بويىغا ئېلىپ، ئۆزۈر-خالىق سوراپ تۆۋەنچىلىك قىلىپتۇ. بۈگۈنكى كۈندە موللا ئابدۇلكىرىم قازى رەئىس بولسا بۇنداق مال-دۇنيا، ئات، ئېشەككە ناھايىتى باي بولۇپ، بۇنداق مۈلۈككە يەنە ئېھتىياجى يوق. مەن بۇ ۋەقەنى مەزكۇر موللا ئابدۇلكىرىم قازى رەئىسنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ بۇ ۋەقەچىگە پۈتتۈم. ئەگەر بۇ زاتى شېرىپنىڭ لەقەپ ۋە تەبىپىنى بىر-بىرلەپ تەپسىلى بايان قىلساق، ئۇ ئالاھىدە چوڭ بىر تەزكىرە كىتابى بولالايدۇ. ئونىڭ نام ۋە نىشانلىرى خالايىق ئىچىدە تۇنۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئونىڭ ۋەقىەلىرىدىن ئىندەك بايان قىلىشقا يۈزقىلا جۈرئەت قىلىندى. بۇ زات تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بەشىنچى يىلى ماھى سەپەرنىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنى (مىلادى 1868-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى—ت) ۋاپات بولدى، ۋەسىيىتى بويىچە ئۆز ھويلىسىدا دەپنە قىلىندى. تەسىررۇف كىتابلىرىدا پىر كامىللارنىڭ سۆھبەتلىرىنى كىبىرىتى ئەھمەرگە (265) ئوخشىتىدىكەن. شۇڭلاشقا، بۇ زاتى شېرىپنىڭ سۆھبەتلىرىمۇ ئەلۋەتتە كىبىرىتى ئەھمەر ئىدى. پىر كامىلنىڭ ئۆزىمۇ دەل مۇشۇ زاتى شېرىپ ئىدى، ئونى بۈگۈندىن ئارتۇق تەرىپلەپ سۈپەتلەشكە خۇش قەلەم جۈرئەت قىلمىدى.
بۇ كەمىنە موللا مۇسا ئىبنى موللا ئەيسا خوجا سايرامى ئۇ چاغدا ئامىلى زاكاتچى، يەنى زاكاتچى ئەمەلدار خىزمىتىدە ئىدىم. ياش ۋە غۇرۇر ۋاقتىم ئىدى. ئونىڭ نەچچە قېتىم سۆھبىتىدە بولدۇم. لېكىن دوستلۇق ئىزدەشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم. ھازىر ئونىڭدىن تولۇق ئوتتۇز ئالتە يىل ئۆتۈپتۇ. ئۆمرۈم ئاخىرىدا يەتكىچە بۇ زاتى شېرىپنىڭ سۆھبەت ۋە مۇھەببەتلىرى چىن قەلبىمدە جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ. مەن ئونىڭدىن باشقا بۇنداق بىرەر مۇرشىدتىن ئىككىنچى قېتىم تاپالمىدىم ۋە كۆرمىدىم نەزم:
ۋەسلى يار بولدى مۇيەسسەر قەدىرىنى ئاھ بىلمىدىم،
ۋەسلى بولماي جاۋدانى فۇرقەت كېلۈرىنى بىلمىدىم.
ئۇچتۇرپان
ئۇچتۇرپان قەدىمقى كونا شەھەردۇر. ئونىڭ بۇرۇنقى ئېتى ئۈچ ئىكەن. يەنە شەھىرى بەربەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەنسۇرخان زامانىدا (266)، ئونىڭ ئادەملىرى بېئەدەپلىك قىلىپ ئىتائەتتىن چىققانلىغى ئۈچۈن قايىپ، ئەمىرلەر ئەمىرى مىرزا جەپپار بەردى بېك دۇختۇننى لەشكەرلىرى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۈچ ئەھلىنى قەتلى-ئام قىلىپ، ساق قالغانلىرىنى يۇرت-يۇرتلارغا تارقىتىۋېتىپ، تۇرپاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ ئاۋات قىلغان ئىكەن. شۇڭلاشقا، بۇ جايدىكى كەنت، ئايماقلارنىڭ ئىسمى ناملىرى تۇرپاندىكى كەنت، ئايماقلارنىڭ ئىسمى ناملىرىغا ئوخشايدىكەن. شۇڭلاشقا، “ئۈچ” سۆزىگە “تۇرپان” سۆزى قوشۇلۇپ، “ئۇچتۇرپان” دەپ ئاتالغان ئىكەن. ئاممىۋى تىلدا بولسا “ئۇشتۇرپان” دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدەك خاقانى چىنى بۇ شەھەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى ئۈچىنچى يىلى ئۇچتۇرپان ئەھلى خاقانى چىنىنىڭ ئەمىرى ئىتائىتىدىن چىققان ئىكەن. (267) خاقانى چىنىدىن ناھايىتى نۇرغۇن چېرىك كېلىپ، بۇ جاينى يەنە تەسەررۇف قىلىپ، ئادەملىرىنى قەتلى ئام قىلىپ، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ ئاۋات قىلغان ئىكەن. شۇڭلاشقا، ھازىر بۇلارنى “كۆچمەن” دەپ ئاتايدۇ. بۇ ۋەقە ئەۋۋەلقى داستاندا بايان قىلىندى. شۇڭلاشقا بۇ جايدىكى ئادەملەر بىر قانچە پىرقىگە چېچىلاڭغۇ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئولارنىڭ كاسىپ، ھۈنەرۋەنلىرى كەم، ئادەملىرى دېھقان، يەر-زېمىنى ئوبدان، غەللە ھاسىلی كەڭرى ۋە ئەرزاندۇر.
ئۇچتۇرپان زېمىنىدا ئىماملىرىم دېگەن بىر ئالىي مازار مەقامەت بار. ئونىڭ ئىسمىنى ئىمام مۇھەممەت غەززالى (268) دەپ ئاتايدىكەن. يەنە قازغاندا بىر ئالىي مازارات بولۇپ، ئونىڭ ئىسمىنى ئەھمەد غەززالى (269) دەيدۇ. لېكىن “نەفەھاتۇلئۇنس” دېگەن كىتاپتا ئىمام ئەھمەد غەززالىنى قەزۋىن شەھىرىدە دەپىنە قىلىندى دەيدۇ “قەزۋىن” ۋە “قازغان” سۆزى ئاھاڭ جەھەتتىن بىر بىرىگە يېقىن. ئونى ئاللاھنىڭ ئۆزى بىلىدۇ. يەنە ساۋۇتقی بازار دېگەن بىر قەدىمقى جاي بار. ساۋۇتقی دەپ ئاتاشتىكى سەۋەپ شۇكى، تارىخ ھىجرىنىڭ ئوتتۇز ئۈچىنچى يىلى (مىلادى 653—654-يىلى—ت) يۇقۇرىقى قۇرمىش سەيىدىلمۇسلىمىن شاھادەتلىككە يەتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئاخىر زامان رەسۇلىرراخمان ئەلىي شىر يەزدانى كەرەمۇللا ۋەجەھۇنى (270) قەپقە جادۇ ۋە زۆمرە ئاتەشپەرەسلەرنىڭ شەھىرىگە بېرىشقا ئەمىر قىلغان ئىكەن. بۇ چاغدا ھەزرەت ئەلىي شىر يەزدانى ئەلىي شىر خودا (271) ئىككى شاھزادە كىبەرەم ۋە بىرنەچچە ياش ساھابىزادىنى ھەمرا قىلىپ، سودىگەر شەكىلىگە كىرىپ، ناھايىتى تېزلىك بىلەن كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ، ئۇشبۇ شەھەرگە بەربەرگە كېلىپ، بىر بۇلاق بېشىغا چۈشۈپ، دۇلدۇللىرىنى بۇلاق بېشىدىكى بىر تۈپ سۆگەتكە باغلاپ، ساۋۇت سوۋۇتۇپ قويغان ئىكەن. بۇ بىر تۈپ سۆگەت كۆكلىپ ئۆسۈپ، يەنە يىقىلىپ شاخلاپ تۇرۇپ كۆكلەپتۇ. بارغانسېرى ئەتراپىدىن بىر تاغار ئاشلىق ئۇرۇغى كەتكۈچە بولغان زېمىن ئىچىدە يەنە يىقىلىپ، يەنە ئۆرە بولۇپ كۆكلەۋېرىپتۇ. ھېچقانداق ئادەم بونىڭ مەيلى قۇرۇق ياكى شېخىنى كېسەلمەپتۇ. ھەتتا ئونىڭغا تېگىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماپتۇ. بۇ سۆگەتنىڭ تۆۋىدە بىر بۇلاق بار ئىكەن. ئونى “ئەينۇل سەئبان” (يىلانلار بۇلغى—ت) دەپ ئاتايدىكەن. بىر زاماندا سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ (272) ئەمىر-پەرمانى بويىچە بۇ بۇلاقتا يىلانلار توپلانغان ئىكەن. ھەزرىتى ئەلىي كىبەرەمۇللا ۋەجەھۇنىڭ قەدەم شېرىپلىرى بۇ يەرگە يەتكەندە، ئۇ “ئەي سەبانلار (يىلانلار—ت)، بۇلاق ئۈستىدىن ئۆزۈڭلەرنى بىر تەرەپكە ئېلىڭلار، پەيغەمبەر ئاخىر زاماننىڭ بارگاھلىرىنى تىكىمىز” دېگەندە، يىلانلار بۇ بۇلاق بېشىدىن كۆچۈپتۇ. لېكىن، بۇلاق سۈيى يىلانلارنىڭ زەھىرى بىلەن ئاچچىق بولۇپ قالغان ئىكەن. ئىككى شاھزادە كىبەرەمىلەر ئېغىز سۈيلىرىنى (تۈكۈرۈكلىرىنى—ت) مەزكۇر بۇلاققا تاشلاپتۇ-دە، سۇ يەنە تاتلىق ۋە شېرىن بولۇپ قاپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ جاينى “ساۋۇتقى مازار” دەپ ئاتاپتۇ. خالايىق بۇ جاينى زىيارەت قىلىپ، بۇلاق سۈيىنى شەرپىتى تەۋەررۈك ھېسابلاپ، تەرەپ-تەرەپكە تەۋەررۈك قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ جاينىڭ تەزكىرىسىدىمۇ مەزكۇر مازارنىڭ ئورنىنى ئەلىي كىبەرەمۇللا ۋەجەھۇنىڭ قەدەم قويغان يېرى دەپ بايان قىلىنغان. لېكىن، بەزى تارىخ كىتابلىرىدا ئەلىي كىبەرەمۇللا ۋەجەھۇ ئىراق زېمىنىنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتمىگەن دەپ بايان قىلىنغان. بونىڭ راست ياكى يالغانلىغىنى خۇداۋەندە ئالەمىياننىڭ ئۆزى بىلىدۇ. ئەمما بۇ ئادەتتىكى جاي ئەمەس، بەلكى ئالاھىدە كارامەتلىك بىر مازاردۇر. بونىڭدىن باشقا مازارات ۋە زىيارەتگاھى تەۋەررۈككانلارمۇ كۆپ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا ساھابىلارنىڭ ئىسمى شېرىپلىرى بىلەن ئاتايدۇ. لېكىن، قانداقلىغى مەلۇم ئەمەس ھەم ئىشەنچلىك دەلىلمۇ يوق، شۇڭلاشقا بۇلارنى بايان قىلىشقا قەلەم جۈرئەت قىلالمىدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇچتۇرپاننىڭ غازات ۋە جەڭلەر كۆپ بولغان بىر جاي ئىكەنلىكى مەلۇم. ۋەللاھۇ ئەلەم.
كۇچار
كۇچارنىڭ قەدىمقى ئىسمى كۈسەن ئىكەن. كۇچار ئەھلى پېئىل ئەتۋارى جەھەتتىن بىر ئىتتىپاق، ئولپەتلىگى زىيادە خەلق بولۇپ، ھەممە ئادىمى سىپايە، خۇش خۇي، گۈزەل سۆزلۈك بولۇپ، ئاياللىرىنىڭ ھىممەت ۋە جۈرئىتى ئەركەكتىن ئارتۇق. ئولار ئىلىمى ئەمەل ۋە كەسپى-ھۈنەردىمۇ كەم ئەمەس. بىراق، مۇساپىرلار بىلەن خوشى يوق، لېكىن، بۇ كۈنلەردە كۇچارغا ھەر تەرەپتىن كەلگەن مۇساپىرلار جەم بولۇپ، جەمىيەت پەيدا قىلىپ، سودا خانىلارنى قۇرۇپ راۋاجلانماقتا. كۇچارنىڭ ئادەملىرىگە قارىغاندا زېمىنى كەڭرى ۋە تازا، ھەر ھەپتىدە باي، سايرامدىن ئەقەللىسى بەش يۈز ئېشەك ۋە ئۇلاقتا ئاشلىق ۋە ياغ كېلىپ تۇرىدۇ. ھەر خىل يەل-يېمىشلىرى ۋە باشقا مەئىشەتلىرى باشقا شەھەرلەردىن كۆپ. سودىگەرلەر ھۆل ۋە قۇرۇق يېمىشلىرىنى شەھەر-شەھەرگە توشۇپ كېتىدۇ. چارۋا-ماللىرى تولا ۋە ئۆز ئېھتىياجىغا يېتىدۇ، ھەتتا ئېشىپمۇ قالىدۇ.
كۇچار زېمىنىدا مەۋلانا ئەرسىدىن ۋەلىيۇللانىڭ ئارامگاھى ۋە قەۋرىسى بار. بۇ زاتى شېرىپنىڭ دالالىتى ئارقىلىق تۇغلۇق تېمۇرخان ئۆز تەۋەلىگى بىلەن بىللە ئىسلامى شېرىپنىڭ دۆلىتىگە مۇيەسسەر بولۇش بىلەن تەڭ، ئىلى تەۋەسىدىمۇ دىنى ئىسلامنىڭ چىرىغىنى ياندۇرغان ئىدى. خان بۇ زاتنى “ئۇلۇغ موللام” دەپ ئاتايتتى، بۇ ئەھۋالقى داستاندا بايان قىلىندى. يەنە شەيخ نىزامىدىن دىھلەۋى (273) دېگەن بىر مازارات بار. بەزىلەر “دىھلەۋى”نى “دەھەبىدى” دەپ ئاتايدۇ. بۇ ناھايىتى كېلىشكەن ۋە ھەيۋەتلىك مازار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بەلىخ ئاتا دېگەن بىر مازارى ئالىمەقام بار، بونىڭ ئىسمى ۋە نەسەپلىرى ھەم ئونىڭ قايسى زاماندا ئۆتكەنلىگى مەلۇم ئەمەس. يەنە نۇرە خوجام دېگەن بىر زىيارەتگاھ بولۇپ، بۇ ھەزرىتى باھاۋىددىن نەخشىبەندە قۇددۇسىررەنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى دېگەن مەلۇماتلار بار. يەنە بابا قەمبەر ۋەلىيۇللا دېگەن بىر مەشھۇر مازار بار. لېكىن، بابا قەمبەر ۋەلىيۇللا بولسا ھەزرىتى ئەلىي كىبەرەمۇللا ۋەجەھۇنىڭ مىراخورلىرىدىن بولۇپ، بۇ مازارنىڭ ئىگىسى ئەنە شۇ زات بىلەن ھەمنام بولسا كېرەك. بابا قەمبەر ۋەلىيۇللا دېگەن مازار يەنە ئۇچتۇرپان، خوتەن قاتارلىق جايلاردىمۇ بار. يەنە بىر مازارى ئالى زىيارەتگاھنىڭ نامىنى ئىبراھىم ئەدەھەم (274) دەپ ئاتايدۇ. لېكىن، مەزكۇر مەشھۇر پىشقىدەم ئەۋلىيا ئىبراھىم ئەدەھەم قۇددۇسىررەنىڭ قەۋرىسى بولسا مەككە مۇئەززەمەدەدۇر. بەلكى بۇ مازارنىڭ ئىگىسىمۇ مەزكۇر ئەۋلىيا بىلەن ھەمنام بولسا كېرەك. ياكى مازار ئىگىسىنىڭ نامى ئىبراھىم ئاتام بولۇپ، ئاممىۋى تىلدا “ئاتام” دېگەن سۆز “ئەدەھەم” سۆزىگە ئالمىشىپ قالغان بولسا كېرەك. ۋەللاھۇ ئەلەم بىسساۋاپ.
كونا تۇرپان
كونا تۇرپان بولسا كونا ۋە قەدىمقى شەھەردۇر. ئادەملىرى راست قۇللۇق، راست سۆزلۈك، پوختا ۋە پىششىق، ھېلە-مىكىرى ۋە خىيانىتى يوق. ئەقىدە-ئىخلاسلىرى ساپ، ھاۋاسى ئىسسىق، سۈيى كەم بولۇپ، ھەممىسىلا كارىز سۈيى بىلەن زىرائەت تېرىيدۇ. زېمىنى ئوبدان، مەھسۇلاتى ئۆزىگە يېتىدۇ. غوزا-كېۋەزلىرى ئوبدان بولىدۇ. تەرەنجۈل كونا تۇرپاننىڭ خاس مەھسۇلاتىدۇر. كىشمىش ئۈزۈملىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ شەھەر-شەھەرلەرگە توشۇلىدۇ. كونا تۇرپاننىڭ زېمىن دائىرىسى كەڭ، ئارىلىغى يىراق.
بۇ زېمىندا ئەسھابۇلكەھەفنىڭ ياتقان ئورنى، مازار زىيارەتگاھى بار، لېكىن تەپسىرلەردە ئەسھابۇلكەھەفنى رۇمنىڭ تەرسۇس (275) دېگەن شەھىرىدە دەپ بايان قىلىنىدۇ. تەپسىرچىلەر ۋە تارىخچىلارنىڭ “رۇم” دېگەنلىرى بولسا ئۇشبۇ رۇمچە شەھىرىدۇر. چۈنكى، رۇمچە بولسا قەدىمقى زامانلاردىن بۇيانلا ئۇلۇغ پادىشا ۋە تەزىلەرنىڭ مەقام مەنزىلى بولۇپ كەلگەن. خۇداۋەندەكەرىم ئۆز ھېكمەت ئىشارىتى بىلەن ئەسھابۇلكەھەفنى خالايىق ئارىسىدا مەخپى قىلىپ كەلگەن. ھەتتا ئونىڭ تەكتى ئىسمىمۇ مەخپىيدۇر. ئونىڭ زېمىن ئۈستىدە بىر قانچە جايدا زىيارەتگاھى بار دېگەن خەۋەرلەر بار. ئونىڭ بىرى رۇمدىكى تەرسۇس شەھىرىدە. تەپسىر ۋە تاۋارىخلاردا بايان قىلىنغىنى دەل مۇشۇ ئەھۋالدۇر. ئىككىنچىسى لۇئان تېغىدا، ياكى پەلىستىن زېمىنىدا، ئۈچىنچىسى ئەدەندە (276) ، يەنى ئافرىقا قىتئەسىدە، تۆتىنچىسى مەغرىپ تاغلىرىدا، بەشىنچىسى ھىندىستاندا، ئالتىنچىسى ئىسپاھاندا (277) ، يەتتىنچىسى ئەرمەنىيدە، سەككىزىنچىسى چىن مەمىلىكىتىدە دەيدىكەن.
ئۇرۇمچىنىڭ ئەسلى ئىسمى رۇمچە ئىكەن. ئاممىۋى تىلدا “رۇمچە” سۆزىنىڭ ئالدىغا (ا) ھەرپىنى، ئاخىرىغا بولسا “يا” (ي) ھەرپىنى ئارتۇقچە قوشۇپ “ا رۇمچى” (ئۇرۇمچى) دەپ ئاتىغان بولسا كېرەك. شۇنىڭدەك تۈركى تىلدا “چە” دېگەن ئىبارە “كىچىك” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تۈركانلار (تۈركلەر—ت) چوڭ نەرسىلەرنى كىچىكلەشتۈرمەكچى بولسا، ھامان “چە” ئىبارىسىنى قوشۇپ سۆزلەيدۇ. يەنى “چە”، “جە” سۆزىنى قوشۇپ كىچىكلىتىدۇ. مەسىلەن، “باغچە”، “ھويىلىچە”، “دەكچە” دېگەندەك. بىراق باغلىرى چوڭ ۋە دائىرىلىك بولسا، ئونى “باغ” دەپ ئاتايدۇ. ئەگەر كىچىگرەك بولسا “باغچە” دېگەن سۆز بىلەن ئاتايدۇ. “ھويىلىچە”، “دەكچە” دېگەنلەرنىڭ قائىدىسىمۇ ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش. شۇڭلاشقا بۇ جايدا “رۇمچە” دېگەنلىگى بەلكى “كىچىك رۇم” دېگىنى بولسا كېرەك.
تەپسىر كىتاپلىرىدا ئەسھابۇلكەھەفنى رۇمدىكى تەرسۇس شەھىرىدە دېگەن مەلۇمات توغرا بولسا كېرەك. “تەرسۇس” سۆزىمۇ ئاممىۋى تىلدا “تۇرپان” بولۇپ قالغان بولسا كېرەك. بەلكى خىتاي، موغۇل، قىرغىز، قىپچاق، تاتار، ئۇيغۇر ۋە قالماقلارنىڭ تىلىدا “تەرسۇس” دېگەن سۆز ئېغىر تەلەپپۇز بولۇپ تۇيۇلغانلىقتىن، ئۇ “تۇرپان” دەپ سۆزلىنىشكەن بولسا كېرەك. ئەسھابۇلكەھەفنىڭ زامانى بولسا، ھەزرىتى ئەيسا ئەنەبىيائى ئەلەيھىسسالاۋاتنىڭ زامانىدىن ئىلگىرى ئىكەن. بونىڭغا قارىغاندا، ئۇ بونىڭدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى ئۆتكەن بولىدۇ. بۇ ئۆزۈن زامانلار مابەينىدە، بىر نەچچە زامان تاتار ئەھلى، بىرنەچچە ئەسىر موغۇل قەۋمى، بىرنەچچە ۋاقىت ئۇيغۇر گۇرۇھى، بىرنەچچە دەۋر مۇسۇلمان پادىشاھلىرى ۋە بىر قانچە چاغ خىتاي تايىپىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتۈپتۇ. ئولارنىڭ ھەر بىرى ئۆز شەھەرلىرىنى ئۆز تىلى بىلەن ئاتاپتۇ. مەسىلەن، خىتايلار ئۇرۇمچىنى “خو مىيۈزە” دەپ ئاتايتتى. ھازىر “شىڭ شاڭ شىن” (شىنجاڭ ئۆلكىسى—ت) دەپ ئاتىدى. شۇڭلاشقا تەرسۇس دېگەن ئىسىمنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىغىمۇ ئەقىللەرنىڭ ئەقلىدىن يىراق ئەمەس. شۇڭلاشقا، ئەسھابۇلكەھەفنى زۇرمۇ-زور ئۇشبۇ تۇرپان تەۋەسىدىكى تۇيۇق دېگەن جايدا دەپ قەتئىي ئىخلاس قىلىشلىرىمۇ ئەنە شۇنداق گەپ بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزىلەر خۇداۋەندەكەرىمنىڭ ئۆز كالامىدا ئەسھابۇلكەھەفنىڭ غارى ھەققىدە چۈشۈرگەن ئايەتلىرى دەل تۇيۇقتىكى بۇ غارغا مۇۋاپىق دەپ ھېساپلاپ، پۈتۈن موغۇلىستان، بەلكى فەرغانە، تۈركىستان، ھىندىستان قاتارلىق تۆت-بەش ئايلىق يولدىن نەزىر ۋە ھەدىيەلەر بىلەن كېلىپ زىيارەت قىلىپ يانىدۇ. بۇ يەرنىڭ شەيخلىرى زىيارەتكە بارغانلارغا ھەر تۈرلۈك ھېلە-نەيرەڭلەرنى كۆرسىتىپ، بۇ يەردە ئاتتىن چۈشىدۇ، بۇ يەردە ناماز ئوقۇيدۇ، بۇ يەردە تاۋاپ قىلىدۇ دەپ، گويا بۇ يەرنى ھەرەم شېرىپتەك كۆرسىتىپ ۋە شۇ جايدىكى قائىدىلەر بويىچە تەلىم بەرگەن بولۇپ، ھېلە-مىكىر بىلەن ئولارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋالىدۇ. ھەتتا بەزىلەر ھەرەم شېرىپكە بېرىشقا ئاجىزلىق قىلغان تەقدىردە، ئۇشبۇ ئەسھابۇلكەھەفكە بىر قېتىم كېلىپ زىيارەت قىلسا، يېرىم ھەجىلىك ئادا بولغان بولىدۇ دەپمۇ ئەقىدە قىلىشىدۇ. ئەسھابۇلكەھەف ئورۇنلاشقان جاي ئېگىز بىر تاغ بولۇپ، بۇ جايغا نەچچە-نەچچە شوتا بويى پەلەمپەي بىلەن چىقىدۇ. تاغنىڭ ئۈستىدە بىر قانچە ھوجرا، ئايۋان، راۋاقچە، مەسچىت، مېھراب، مۇنبەر ۋە دۇئا قىلىدىغان جايلار بار، ئەتراپىدىمۇ كۆپ ئۆيلەر بار. بۇ مازارنىڭ خادىملىرى سۈكۈت قىلىپ، ۋەخپە ئەۋقاپلىرىنى ئېچىپ-يەپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مازارنىڭ شەيخلىرى ئۈچ يۈز ئۆيلۈكتىن ئارتۇق. بۇرۇن مۇسۇلمان خانلار ۋە ھاكىمى ۋىلايەتلەر، ئەمىرلەرمۇ ئادەمگەرچىلىك ۋە خەيرىيات ئۈچۈن بىر مۇنچە ۋەقەپلەرنى بەرگەن ئىدى. دەقيانۇسنىڭ شەھىرى ۋە تەختىگاھىمۇ ئوشبۇ تۇرپان تەۋەسىدە ئىكەن. ئەسھابۇلكەھەف بولسا دەل مۇشۇ غاردا ئۇخلايدۇ دەپ مۆلچەرلەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن. تارىخ ھىجرى بىر مىڭىنچى يىللاردىن (مىلادى 1600 ـ يىللار ـ ت) كېيىن ھەزرىتى ئاپاق خوجا تۇرپانغا بارغان ئىكەن. ئۇ تۇرپان ئەھلىنىڭ بۇ جايغا كېلىپ ئىززەت ۋە ئېھتىرام قىلغانلىغىنى كۆرۈپ، بۇ ئەھۋالنى دەسلىپىتە مەنىي قىلىپتۇ. كېيىنچە بۇ غارنىڭ ئىچىگە كىرىپ مۇراقەبە ۋە تەۋەججۆھكە چۈشۈپ، كەسپىي كارامەتلەرنى قىلىپ، خالايىققا ”بۇ جاي بولسا ئىتتلارنىڭ جاي مەنزىلى دەپ گۇمان قىلغان ئىدىم. مۇراقەبەدىن كېيىن ماڭا ئاشكارە بولدىكى، مېنىڭ گۇمانىم توغرا ئەمەس ئىكەن. سىزلەرنىڭ ئەقىدە ئىخلاسلىرىڭزلار راست ئىكەن.
ئەسھابۇلكەھەفنىڭ بۇ مەنزىلىدە ئىكەنلىگىدە شەك ـ شۈبھە يوقتۇر، زىيارەت قىلىۋېرىڭلار ۋە بۇنى غەنىمەت بىلىڭلار“ دەپتۇ دېگەننى گۇۋا ۋە ھۆججەت قىلىپ سۆزلەيدىغانلارمۇ بار.
بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭىنچى يىللىرىغىچە (مىلادى 1600 ـ يىلىلىرىغىچە ـ ت) بولغان ئارىلىقتا، ئەسھابۇلكەھەف بۇ غارنىڭ ئىچىدە تۇرغان ئىكەن. ئونىڭ بۇ جايدا ئىكەنلىگىنىمۇ ھېچقانداق ئادەم بىلمەيدىكەن. ھەتتا كاپىرلارمۇ بۇ غارنى بۇتخانا قىلىپ، لاما لۇدۇ ۋە بەرەھمەنلەرنى توختىتىپ، ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنى قىلىپ كەلگەن جاي ئىكەن. تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ يەتمىش نەچچىنچى يىللىرىغا (مىلادى 1660 ـ يىللىرىغا ـ ت) كەلگەندە، تۇغلۇق تېمۇر خاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن سۇلتان سەئىد باباخان باھادۇر (278) دېگەن تۇرپان، قامۇلغا پادىشا بولغان ئىكەن. بۇ ئۆز دەۋرىدە خالايىقنىڭ تەرەپ ـ تەرەپتىن بۇ غارغا كېلىپ زىيارەت ۋە تاۋاپ قىلغانلىغى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ جايغا بولغان ئەقىدە ئىخلاسلرىنى مۇلاھىزە قىلىپ ماقۇل كۆرۈپ، بۇ زىيارەتگاھنى تازىلاپ، جارۇپكەش، چىراغچىلارنى تەيىنلەپ، ئىمام، مۇئەززىن توختىتىپ، ۋەخپە ئەۋقاپلارنى بەلگىلەپ تەۋلىد قىلدۇرۇپ، مۇتەۋەللىگە تاپشۇرۇپ، ئالى يارلىق نىشانى بەرگەندىن كېيىن، بۇ غار ئەسھابۇلكەھەفنىڭ غارى ئىكەنلىگى رەسمىيلىشىپ، شۇ نام بىلەن مەشھۇر بولۇپتۇ. مەن بۇ يارلىقنى ئۆز ئەيىنى بويىچە بۇ سەھىپىگە يازدىم.
يارلىق نىشان ئالى:
ئەبۇلپەتتاھ سۇلتان سەئىد باباخان سۆزىمىز، تىلال فەر سەلتەنەت① ۋە ھىما يۇن،② دىنى مەئدەلىت③، رۆز ئەفزۇن④ ساھىبقىرانى ئەئزەم، زۇبدە ئولسىلاتىن⑤ ئەرەپ ۋە ئەجەم رايەت⑥ ئەمىن⑦ بىلاد⑧ ۋاستە ئامان ئىباد⑨ شۇجائەت شۇئار ۋە ساخاۋەت ئاسار، جۇۋان بەخت بە ر خوردار⑩ قېرىنداشلار بىرلى جىلىلسىلشەئىنى⑪ ئەزىمۇل قەۋدۇر①، ئەدىلىشەمىس شىبە② ئەلەبەدىر③ فەرىزەنتلە رىغە ۋە ئەمىرائى مۈلكى ئاراي④ ئالشانىدۇر. ئەي نېكۇ⑤ راي كۇفايەت نىشان سەددىر سۇدۇر⑥ ئالى مەقام ۋە ئۆلىمائى ۋاجىبۇلئېھتىرام ۋە قۇززاتى ئەنام⑦، شەرىئەت ئەنجام⑧، نۇقە بائى كىرام⑨ ۋە زۆمرەئى ئەنام⑩ ۋە جەمھۇرى خاس ۋە ئاملارغا ئانداق ۋەزىئە⑪ ۋە لايىھە بولسۇنكىم، خوجە ئەيۇپ موللا قامۇش ھەبىب ئوغلى كىچىك موللا مۈلك بۇ…… ئۇيلۇك كىشىنى ھەزرىتى سۇلتان ئەسھابۇلكەھەف قۇددۇس سىررىھىمنىڭ خىزمەتلىرىدە بولغان سەۋەپتىن، ئىنايەت شاھانە ۋە ئىلتىپات خۇسراۋانە⑫ قىلىپ، بىرنى چىراقچى، بىرنى جارۇپكەش ۋە بىرنى باكاۋۇل قىلىپ تەرخان⑬ قىلدۇق. ئوغلانلاردىن ئوغلانلارىغا ۋە قىزلاردىن قىزلارىغا تەرخان دەپ بىلىسۈنلە ر. ئاقىتۇر تاھارەت سۇلارىنى ھەم قىسماسۇنلە ر. تىنجى كۆڭۈل ۋە فەراغ خاتىرلە ر① بىرلى دۇئا ئىشىغە مۇقەيىيەد② بولسۇنلە ر. تە رخانلىق نىشانى ئالىشان ساقى كۆرگەچ، تۇرپان ۋىلايەتىنىڭ ھاكىمى ۋە دارۇغىسى باشلىق تەخسىس ياگخى، تۆيۈق ساھىبىنىڭ تەكەببىر قازىلارىغا كېلۈر ۋە بارۇر. ئىشچى ۋە كۆشچى، سۈچى، تاۋاپچى جەمئى ئەمەلدارلار مۇشار ئىلەيھەلە رغە③ ھېچ جۈملەدىن ۋە ھېچ رەھگۈزاردىن④ مەزاھىم⑤ ۋە مۇتەررىز⑥ بولماسۇنلار. ئالبان ياساق، ئۆزگە قونالغە ھەشارمە ردىكار، ئوقۇش پېتىر، چاپار ئۇلاغ قان چىقار شۈسۈن، (نەزىر ـ چىراقتا سويۇلىدىغان مال ـ ت) تەكلىپ قىلماسۇنلە ر، سالماسۇنلە ر، ئالماسۇنلەر. ھە ركىم بۇ يوسۇندىن ئۆزگە قىلسە، ھەق سۇبىھانە ۋە تائالانىڭ رەھمىتى ۋە مۇھەممەد رەسۇلىللا شىپائىتى ۋە پەرىشتەلە ر مەغپىرەتىدىن⑦ مەھرۇم بولۇپ، ھەزرىتى ئەسھابۇلكەھەفنى تەقسىرىگە⑧ قالغاي. بەل سايرۇنناس⑨ ۋە ئەجىجەنىنىڭ لەنىتىگە گىرىپتار ئولغاي، قىيامەت كۈنى زالىملار قاتارىدا مەھشۈر⑩ بولۇپ، ئازاپ ئەبەدىيگە گىرىپتار ئولغاي دەپ دارۇسسەلتەنەت تۇرپان ۋىلايىتىدە، ئوشۇر ئاي چاھارشەنبە كۈنى تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئاتمىش سەككىزىنچى (مىلادى 1657 ـ يىلى 10 ـ ئاي ـ ت) يەنى چاشقان يىلى نىشان ئالى قىلىدى“ بۇ يارلىقنىڭ ئاخىرىغا ئىككى مۆھۈر بېسىلغان ئىكەن، ئۈستىدىكى خەتنى ئوقۇشقا بولمىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە يىراق ۋە يېقىندىن زىيارەتكە كەلگەن ئادەملەر، ئۆزلىرىنىڭ پەزىل ـ پەزائىل ۋە كامالاتلىرىنى ئىزھار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت ـ ئابرويىنى كۆزلەپ، زامانە ۋەزىيىتىگە قاراپ، شەيخ، جارۇپكەشلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ۋە ئولارنىڭ خاھىشى ھەم خوش بولۇشىنى ئىزدەپ، ئوشبۇ غار بولسا ئەسھابۇلكەھەفنىڭ جاي مەنزىلى دېگەن بولسا كېرەك. ھەتتا تەپسىر ۋە تاۋارىخ كىتابلىرىنىڭ مەزمۇنىغا نەزەر سالماي، ئۆزى خالىغىنى بويىچە ئۇيدۇرۇپ، شەيخ ۋە جارۇپكەشلەرگە خوشامەت قىلىپ، بۇ جاي راستىنلا ئەسھابۇلكەھەفنىڭ غارى ئىكەن دېگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا بەزىلەر ئۇرۇمچىنىڭ ئەسلى ئىسمى رۇمچە ئىكەن، تەرسۇس دېگەن ناممۇ ئاممىۋى تىلدا تۇرپان دېگەن نامغا ئالمىشىپ قالغان ئىكەن دەپ، ئاساسسىز، پايدىسىز ۋە بىھۇدە سۆزلەرنى كۆچۈرۈپ ئۇيدۇرۇپ، تەۋلىيە ۋە تەزكىرىلەرنى پەيدا قىلىپ، مازارى ئالىجاھ ۋە زىيارەتگاھى بارگاھلارنى تىكلەپ، ئەسلىدە ھېچقانداق نامى ـ نىشانى يوق بىر كونا شەھەرگە دەقيانۇسنىڭ شەھىرى دەپ شۆھرەتلىك نام بېرىپ كەلگەن ئىكەن. قېرى ـ ياشانغان ئادەملەر ئەنە شۇنداق قىسسە ۋە ھېكايىلەرنى توقۇپ ۋە ئىشىنىپ كەلگەن ئىكەن. ئەسھابۇلكەھەفنىڭ تۇرپاندا بارلىغىنى ئىسپاتلايدىغان يەنە باشقا ھېچقانداق دەلىل ۋە ئىسپات زادىلا يوق.
لېكىن، بەزى ئۆلىمائى ئىززەمەلەر ئەسھابۇلكەھەف زىيارىتىگە بېرىپ، بۇ غارنىڭ ئالامەت ۋە ئەسەرلىرىنى ئايەت شېرىپنىڭ مەزمۇنىغا سېلىشتۇرۇپ، بۇ غار خۇداۋەندەكەرىمنىڭ ئۆز قۇرئانى كالامىدا تەرىپلىگەن غار بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغانلىغىنى ۋە تۇيۇق غارى بولسا ئەسھابۇلكەھەفنىڭ غارى ئەمەسلىگىنى دەلىل ۋە ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلايدۇ. بەزى ئۆلىمالار بولسا بۇ پىكىرنىڭ قارشىسىدا بولۇپ، ئەسھابۇلكەھەف بولسا ئوشبۇ تۇيۇق غارىدا دېگەن دەلىل ـ ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېمەك، بىر ئۆلىما يەنە بىر ئۆلىمانىڭ پىكىرىگە قارشى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
كەمىنە ـ مەنگى موللا مۇسا ئىبنى موللائەيسا خوجا سايرامىنىڭ كۆڭلىگە شەك ـ شۈبھە چۈشۈپ، قارشى پىكىرلەر پەيدا بولۇپ ۋە بۇ قارشى پىكىرلەرنىڭ مۇلاھىزىسى ئىچىدە غەرق جۇدا بولۇپ، توغرا پىكىرلەر بىلەن خاتائۆلىمالەرنىڭ دېگىنىگە چۆكسەممۇ بۇ ئۆلىمالار ئوتتۇرىغا قويغان ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ قايسىسىرى كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە ۋە قايسىبىرلىرىنىڭ ئاساسى ئاجىز ئىكەنلىگىنى تەپەككۇر قىلىپ سەراسىمىگە چۈشۈپ ھەيران بولۇپ تۇرغان بىر ۋاقتىمدا، ئۇ سەيىدىنا ۋە مەۋلانا ھەم ئىقتىدارلىق ۋە ھەقىقەتنى ئاچقۇچى ئالىم، فۇقۇھا ئىلىمنىڭ تاللانغان تەتقىقاتچىسى، تەجرىبىلىك بىلىم ئىگىسى، شەرىئەت نىزاملىرىنى توغرا يولغا سالغۇچى، شەيىخلەرنىڭ ئەۋلادى سەئىدئۇششەيخ مۇھەممەت بىننى ئەششەيخ ئابدۇلۋاھىدبىننى ئەششەيخ ئەلىي ئەلەھسىلى ئەششامى ئەلتەرا بىلسىنىڭ مۇبارەك ۋە ئېھتىياجلىق قەدەمىلىرى شەرەپ بىلەن بۇ موغۇلىستان يۇرتىغا ئىككىنچى قېتىم قويۇلدى. بۇ چاغدا بۇ قەدىرسىز مەنمۇ ئونىڭ سۆھبەت شېرىپلىرىگە مۇيەسسەر بولۇپ، بەش ئاي مىقدارى ئونىڭ بىلەن كېچە ـ كۈندۈز بىللە سەپەردە بولدۇم. بۇ چاغدا، مەن ئونىڭدىن ئەسھابۇلكەھەف غارىنىڭ تېگى ـ تەكتىنى سورىدىم. ئۇ ”مەن تۇرپاندىكى ئەسھابۇلكەھەفكە ئىككى مەرتىۋە باردىم. ئەسھابۇلكەھەف غارىنىڭ تېگى ـ تەكتىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەق تائالادىن چۈشكەن سۆز ـ ئايەتلەرنى ۋە مۇئەررىخلەرنىڭ ئۇلۇغ قۇرئان ۋە تەپسىرگە ئاساسەن يازغان دەلىللىرىنى قاراپ چىقتىم. شۇنداقلا بۇ سۆزلەرنى ئۆزەمگە ھۆججەت ۋە دەلىل قىلىپ، ئونى يەنە بىر قانچە دەلىل ـ ئىسپاتلار بىلەن كۆچەيتىپ، ئەسھابۇلكەھەف بولسا رۇمدىكى تەرسۇس دېگەن شەھەردە، بۇ تۇرپاندا ئەسھابۇلكەھەف دېگەن يوق نەرسە دېگەننى دەلىل ـ ئىسپاتلار بىلەن بايان قىلىپ، ئىنسابلىق مۇسۇلمان ۋە مۆمىن دىندارلار ۋە بارلىق جامائەت خاس ئاممىنى كۆزلەپ، قارشىلىرىمىنى رۇشەن ئېلان قىلىپ بىر رىسالە يازغان ئىدىم“ دەپ بۇ كىتاپنى مېنىڭ قولۇمغا بەردى. بۇنى كۆرۈپ مۇتائىلىيە قىلغاندىن كېيىن، تۈركى تىلغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇ زاتنىڭ نەزەر ئالىلىرىدىن ئالاھىدە ئۆتكۈزۈپ تۈزىتىپ، بۇ تارىخچىنىڭ خاتىمە قىسمىغا كىرگۈزدۈم. ئامما ئىنسابقا كېلىپ ئېتىراپ قىلىپ، تەسىلىم باشلىرىنى تەۋرەتكەن زامانە فازىللىرى ۋە خاس ئاممىنى سادىقلارنىڭ جۈملىسىگە توقلاپ ئورۇن بەرمەي، قارشىلىق ۋە مۇخالىپىلىق قىلىپ، سۆزمەنلىك ئويۇنلىرىنى ئويناپ، گەدەنىلەرنى تولغۇغانلارنىمۇ، بۇ غارنى تەرىپ ۋە تەسىۋىرلەپ چۈشكەن ئۇلۇغ ئايەت ۋە كالامى قەدىمىيەتلىلەر، ھەق ۋە ھۆرمەت ئۈچۈن، ئولارنى توغرا يولغا باشلاپ، توغرا ئىنايەت ئاتا قىلغاي ـ ئامىن!
دېمەك، بۇ رىسالىدە ئەسھابۇلكەھەفنىڭ تۇرپاندا ئەمەسلىگى توغرىسىدا بىر قانچە دەلىل ـ ئىسپات ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
ئەۋۋەلقى دەلىل: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاۋات ۋە ئەئىممەھىيە ھەزرەتلىرى رىسالىتىنى ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى، تۇيۇق دېگەن بۇ جايدا ھېچقانداق بىرەر قەدىمىي بىر كىشىنىڭ قەۋرىسى بولغانلىغى ھەققىدە ھەقىقىي بىر دەلىل يوق. شۇنداقلا بۇ جايدا گۇمان بىلەن بىرەر ئەنبىيائى ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋرىسى بولغان دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ھەتتا بۇنداق گۇماننى رۇشەن دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھەقىقەت ئەھلى پەقەت كىشىلەر ئارىسىدا ئىسپاتلانغان ئايەت ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەنلىرىنىلا دەلىل دەپ ھېساپلايدۇ. زاماننىڭ ئۆزۈنلۈغى، تارىخنىڭ گۇمانلىق يىپ ئۇچىلىرى ۋە قالايمىقان ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىقلار زادىلا دەلىل ۋە ھۆججەت بولالمايدۇ.
بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىز بىرەر ئەنبىيائى ئەلەيھىسسالاۋات ۋە ئەئىممەھىيەلەرنىڭ قەۋرىسىنى بىرەر شەھەر ياكى بىرەر جاي ـ ماكانغا خاس دەپ بېكىتمىگەن. پەقەت مۇھەممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەمنىڭ قەۋرىسىلا بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئونىڭ قەۋرىسى پەقەت مۆمىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىسى بولغان توغرا سۆزلۈك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۆجىرىسىدە ئىكەنلىگىنى بارلىق مۇسۇلمانلار تەستىقلايدۇ. بۇ يەرگە ھەر جايدىن كەلگەنلەر زىيارەت قىلىپ يانىدۇ، بۇنىڭغا ھېچقانداق شەك ـ شۈبھىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەستۇر. ئونىڭدىن باشقا، ئەنبىيائى ئەلەيھىسسالاملار بۇنىڭدىن غەيرى بولۇپ، ياتقان ئورنى ئېنىق ئەمەس. بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورنى پالانى يەردە دېگەن گەپ پەقەت كىشىلەر تەرىپىدىن ياساپ چىقىرىلغاندۇر. ئولارنىڭ پەيغەمبەرلەر قەۋرىسى دېگەنلىرى بەلكى پادىشالارنىڭ ياكى كاپىر ۋە زالىملارنىڭ ۋە ياكى ئولارنىڭ غەيرىدىكى بىرەر كىشىنىڭ قەۋرىسى بولسا كېرەك، ياكى بۇت ـ سەنەملەرنىڭ ئورنى ياكى ئىچىدە ھېچبىر كىشىنىڭ جەسىدى بولمىغان قۇرۇق قەۋرە، ياكى پۇل ـ دۇنيانىڭ غەزىنىسى دەپىنە قىلىنغان جايلار بولسا كېرەك. بەزىلەر ئوشبۇ قەۋرە قەدىمقىلارنىڭ قەۋرىسى دەپ گۇمان قىلىپ، ئۆزىچە جاپا ـ مۇشەققەت تارتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر ئەنە شۇنداق گۇمان بىلەن مۇسابىننى ئەمىران (279) ۋە داۋۇت، (280) زىكرىيا(281) ۋە ياكى بۇلاردىن باشقا ئەنبىيائى ئەلەيھىسسالاۋات ۋە ئەئىممەھىيياتلارنىڭمۇ قەۋرىسى دەل مۇشۇ قەۋرە دەيدۇ. بۇمۇ ئاساسسىز بىر گەپ. ئانداق بولسا بۇلار ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋرىسى قانداق قىلىپ بۇ جايدا پەيدا بولغان ئىكەن ۋە ئونى كىم بىلگەن ۋە كۆرگەن ئىكەن. مەسىلەن، ئەگەر بىرەر ئادەم ئاتا ۋە ئانىسىنىڭ ياكى پەرىزەنت، قېرىنداشلىرىنى ئۆز قولى بىلەن مەقسىرەزارلىقتا دەپىنە قىلىپ، ئونىڭغا بىرەر ئالامەت ياكى نىشان ئورناتمىسا، ئوتتۇز ياكى قىرىق يىل چەتتە يۈرۈپ قايتىپ كەلسە، ئۇ مەزكۇر قەۋرىنى بىلەلمەيدۇ. بۇنداق ۋەقەلەر ھەر زاماندا كۆپ ئۇچرايدۇ ـ بەس. ھالبۇكى، ئەسھابۇلكەھەفنىڭ جاي ـ ماكانلىرىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئىككىنچى دەلىل: ئەرەپ ۋە ئەجەمنىڭ قەدىمىدىن بۇيانقى تەفسىرچى ۋە مۇئەررىخلىرى ئەسھابۇلكەھەفنى رۇم دىيارىدىكى تەرسۇس دېگەن جايدا دەپ بايان قىلىدۇ. ئولارنىڭ بىرەرسىمۇ ئەسھابۇلكەھەفنى تۇرپاندىكى تۇيۇق دېگەن جايدا دېگەن ئەمەس. قەشغەر، تۇرپان قاتارلىق بۇ موغۇلىستان مەمىلىكىتىدىنمۇ نۇرغۇن تەتقىقاتچى ئەرەبچىلار ۋە ئۆلىما ـ مۇئەررىخلەر مەشھۇر بولۇپ ئۆتكەن. ئولار بۇ جايدا قەدىمدىن بۇيان غازات ۋە جاھاد قىلىپ ئۆتكەن پادىشالارنى بايان قىلغان ئىدى. لېكىن شۇنداقلا ئولارنىڭ ئىچىدىن بىرىسىمۇ ئەسھابۇلكەھەفنى بايان قىلغان ئەمەس. ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى مىرزا ھەيدەر كورگانىغا ئوخشاش قىلىچى قەلەم ۋە كىتابى قەلەم ئىگىسى «تارىخى رەشىدى» دېگەن بىر كىتاپ يازغان ئىدى. بۇ كىتاپتا قەدىمقى زاماندىن باشلاپ تاكى ئۆزى ياشىغان دەۋرگىچە بولغان ۋەقەلەرنى بايان قىلغان ئىدى. بۇ تارىخچى ئۆز كىتاۋىدا ئەسھابۇلكەھەف توغرىسىدا بىرەر ئىبارە ۋە ئىشارەتمۇ قىلغان ئەمەس. موغۇلىستان مەمىلىكىتىدە سۇلتان ساتۇق بۇغراخان، يۈسۈپ قىدىرخان، مەۋلانا جەلالىددىن كىتكى، مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلىيۇللا، ئالائىددىن خوتەنى باشلىق شاھادەتلىككە يەتكەن ئۈچ مىڭ نەپەر ئىمامنى بىرىمۇ ـ بىر ئۆز ناملىرى بىلەن بايان قىلغان ئىدى. لېكىن زاتلارنىڭ ئىچىدە ئەسھابۇلكەھەفنىڭ نامى بايان قىلىنمىغان.
تارىخ ئەھلىنىڭ قائىدىسى بولسا، بۇ خىل ئۇلۇغلارنىڭ نامى ـ لەقەپلىرىنى ئۆز تارىخ كىتابلىرىغا بايان قىلىپ بېكىتىشتىن ئىبارەت. ئولارنىڭ نامىنى قالدۇرۇپ قويۇش بولسا تارىخ ئالدىدا يامان ۋە قاباھەت ھېساپلىنىدۇ. «تارىخى زەپەرنامە»نىڭ مۇئەللىپى مەۋلانا شەرەفىددىن ئەلىي يەزدى ۋە «رەۋزە تۈسساپا»نىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەت ئىبنى خاۋەندشاھ قاتارلىقلار ئۆز ئەسەر ۋە تېلىماتلىرىدا تۇرپان، قاراخوجا ۋە دىيارلارنىڭ ۋەقە ـ ھادىسىلىرىنى تەپسىلى بايان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، ئەسھابۇلكەھەفنى بايان قىلمىغان ئىدى. بۇلاردىن باشقا تارىخچىلاردىنمۇ بىرەر كىشى ئەسھابۇلكەھەفنىڭ بۇ دىيارلاردا ئىكەنلىگىنى يازغان ئەمەس. تارىخ ھىجرىنىڭ سەككىز يۈز يىگىرمە ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1419 ـ يىلى ـ ت) ھېرات پادىشاسى شاھرۇھ مىرزانىڭ ئەمىر تېمۇر كوراگانى خاقانى چىنغا شادى خوجا دېگەن ئەلچىنى ئەۋەتىپ، بېيجىڭگە بېرىپ كەلگىچە يۈز بەرگەن ھەرقانداق ھادىسە، ھەرقايسى كەنت، شەھەر ۋە ھەر بىر دىيار، مەھەللە ئەھۋاللىرىنى، چۆل-دەشتى باياۋان، ياخشى-يامان ۋە مەمۇر-ئابادانلىرى، ئۆلچەملىرى بىلەن پۇقرالارنىڭ خۇي-پېئىللىرىغىچە ۋاقىپ بولۇپ، بىر رۇزنامىدە دەپتەر قىلىپ يېزىپ كەلگۈيسىز دەپ پەرمائىش قىلدى. ئۇ بېرىپ كەلگىچە بولغان جەرياندىكى بىلگەن ۋە كۆرگەن ۋەقەلەرنى بىر-بىرلەپ تەپسىلى دەپتىرىگە ئېلىپ مەلۇم قىلدى. بۇ چاغدا، ئۇ تۇرپانغىمۇ كەلگەن ئىدى. لېكىن بونىڭ ئىچىدە ئەسھابۇلكەھەف توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق. چۈنكى ئۇ زاماندا بۇ جايدا بۇت-سەنەملەردىن باشقا رۇزنامىگە يازغۇدەك بىر نەرسە مەۋجۇت بولمىغانلىقتىن، ئۇ پەقەت بۇت-سەنەملەرنىلا خەتلەپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى تەھقىق ۋە تەپتىشلەرنى قىلىپ، رۇزنامىسىگە يازغان ئىدى. ھالبۇكى، خۇداۋەندەكەرىم ئۆز قۇرئانى كالامىدا ياخشى ياراتقان ۋە تەرىپ-تەسۋىرلىرىنى قىلغان ئەسھابۇلكەھەفنىڭ بۇ جايدا ئىكەنلىگىنى ئەلۋەتتە يازغان بولار ئىدى.
ئۈچىنچى دەلىل: تۇرپان ئەھلىنىڭ ئىسلامى شېرىپكە كىرگەن ۋاقتى بولسا تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، فەرغانە ۋىلايىتى ۋە قەشقىر ئەھلىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەن ۋاقتىدىن كېيىن ئىكەن. تۇرپان، قارا خوجا، قامۇل ئەھلىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەن ۋاقتى تارىخ ھىجرىنىڭ سەككىز يۈزىنچى يىللىرىغا (مىلادى 1397 ـ 1398 ـ يىللىرىغا) يېقىن بولۇپ، يەنى خىزىر خوجاخان بىننى تۇغلۇق تېمۇر خاننىڭ كۈچى بىلەن ئىسلام دىنى شەرائىتىگە ئىگە بولغان ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ جاينىڭ ئادەملىرى ئەسھابۇلكەھەفنىڭ بۇ دىياردا ئىكەنلىگىنى قانداق بىلىدۇ ۋە ئونىڭ ھادىسىلىرى ھەققىدە قانداقچە ھېكايە قىلىپ ئېيتالايدۇ؟
كىشىلەر ئەسھابۇلكەھەف توغرىسىدىكى ئاساسىي دەلىل ۋە ھۆججەت ئاپاق خوجا تۇرپانغا كېلىپ كەشپى مۇراقەبە قىلغان چاغدا ئاشكارىلانغان دەيدۇ. لېكىن، ئاپاق خوجانىڭ بۇ كەشپى كارامەتلىرى ھەققىدىكى نەقلى-رىۋايەتلىرىنى يەنە باشقا دەلىل ۋە ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، كەشپ ۋە مۇراقەبە پەقەت مۇسۇلمان ئەۋلىيالىرىغىلا خاس نەرسە ئەمەس. باشقا دىندىكى ياكى ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنلاردىكى كاپىر، مۇشرىك لاما لودولار، بەرەھمەن موغۇللار ۋە بۇلاردىن باشقا تايىپىلارمۇ رىيازەت ئارقىلىق كەشپى ئىلھام ۋە كارامەت پەيدا قىلىدۇ. ئولارنىڭ بۇ كارامەتلىرىنى بولسا شەرىئەت شۇئار ئۆلىمالار ھۆزۈرىدە ئىشەنچلىك ھۆججەت بولالمايدۇ دەپ رەت قىلىدۇ. ھەتتا مۇسۇلمان ئەۋلىيائى ئەززەمىلىرىنىڭ كەشپى كارامەت ۋە ئىلھاملىرى ئارقىلىق ئەنبىيائى ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋرىسى قانداق جايدا ئىكەنلىگىنىمۇ ئىسپات قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ھالبۇكى، ئاپاق خوجىدەك بىر ئادەمنىڭ كەشپى ۋە مۇراقەبىلىرى ئارقىلىق ئەسھابۇلكەھەف بۇ تۇيۇق دېگەن جايدا دەپ ھۆكۈم قىلىشى بولسا، شەرىئەت مىزانى بىلەن ئۆلىمالار جامائىتىنىڭ ئۆلچەملىرىگە تامامەن خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. ئەگەر ئەۋلىيالارنىڭ كەشپى ئىلھام ئارقىلىق پەيدا قىلىغان سۆز-چۆچەكلىرىنى ئىشەنچلىك ھۆججەت ئاساسى دەپ قارالسا، ھەر قانداق ئادەممۇ ئەۋلىيالىق دەۋاسىنى قىلىپ، كەشپى كارامەت ۋە مۇراقەبىدە ماڭا مۇنداق نەرسە مەلۇم بولدى دەپ، ئالەم خەلقىنى يولدىن ئازدۇرۇپ كېتىشىدە شەك ـ شۈبھە يوقتۇر. ئەمما مۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى بولسا، شەرىئەت شېرىپىنىڭ ھۆكۈمىگە خىلاپتۇر. زاماننىڭ شەيخ ۋە جاھىل سوپىلىرى ئۆزلىرى قىلالمايدىغان مۇشكۈل ۋە شەرىئەتكە قارشى ئىشلارنى راۋاج ۋە جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئاپاقتىن دەلىل كەلتۈرىدۇ. ھەزرىتى ئاپاقتىن بولسا بۇنداق ئىش پەيدا بولمىغان بولسا كېرەك، ئەلۋەتتە.
مەنسۇرخان ۋە باباخان قاتارلىق پادىشالارنىڭ ۋە واڭلارنىڭ، ئەمىرائى ئۇلۇغلارنىڭ ۋەخپە تەۋلىيەلەرگە ئۆز قوللىرى بىلەن مۆھۈر بېسىپ، ئۇشبۇ زېمىننى ئەسھابۇلكەھەفكە ۋەخپە قىلىپ بەردىم دەپ ئىشارەت قىلغانلىغى ياكى ئۇشبۇ ئەسھابۇلكەھەفكە چىراغچى، مۇتەۋەللى، ئىمام، مۇئەززىن بەلگىلىدىم دەپ ھۆكۈم ۋە يارلىق قىلغانلىغى بىلەنلا، ئەسھابۇلكەھەف بۇ زېمىندا بولۇپ قالغان بولمايدۇ ۋە بۇ ئونىڭ بۇ جايدا ئىكەنلىگىگە ئىشەنچلىك ھۆججەتمۇ بولالمايدۇ. پادىشالار بەزى چاغدا ئاۋام خالايىقنىڭ رايىغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ. بەزى چاغدا پىتنە ۋە جىدەللەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن، مەمىلىكەت مەمۇرىيىتىدە بەزى ئىشلارنى كەڭ ۋە ئېھسانلىق بىلەن باشقۇرىدۇ. تارىختا مۇنداق ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ، جۈملىدىن مەنسۇرخان بىلەن باباخانلارمۇ بەزى ماشايىخ ۋە سوپىلاردىن ئاڭلىغانلىرى ۋە ئولارنىڭ مەسلىھەتلىرى بويىچە، ئەسھابۇلكەھەفنىڭ بۇ جايدا ئىكەنلىگىنى تەستىق قىلىپ، يارلىق چۈشۈرۈپ مۆھۈر بېسىپ بەرگەن بولسا كېرەك ۋە بۇ ئەسھابۇلكەھەف بۇ جايدا دېگەنلىككە دەلىل-ئىسپات بولۇپ قالغان بولسا كېرەك. ئەسلىيەتتە زادىلا ئونداق ئەمەس. پەقەت ئايەت ۋە ھەدىستىن بىرەر مەنىنى ئېيتقۇچىلار، تەھقىقاتچى ئەربابلار، ھەقىقەتچى ئۆلىمالارنىڭ ئۆزى ئىسپاتلىغان ھۆكۈملىرىنىلا ئىشەنچلىك ئىسپات ۋە ھۆججەت دېگىلى بولىدۇ. بونىڭدىن باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنچلىك بولمايدۇ. چۈنكى، ئەسھابۇلكەھەفنىڭ غارى ھەققىدىكى تەرىپ ۋە تەپسىرلەر پەقەت ئەنە شۇنداق كەسكىن دەلىلنىڭ ئايەت بىلەن قەيت قىلىنغاندۇر.
تۆتىنچى دەلىل: تۇرپان ئەھلىنىڭ ئەسھابۇلكەھەف بۇ جايدا ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدىغان يەنە بىر ئاساسى بولسا، تۇرپاننىڭ ئەسلى ئىسمى “تەرسۇس” بولۇپ، زامانە ئۆزگىرىشلىرى تۈپەيلىدىن “تۇرپان” بولۇپ قالغان، ئۇرۇمچىنىڭمۇ ئەسلى ئىسمى “رۇمچە” بولۇپ، ئاممىۋى تىل ۋە ئاۋاز يېقىنلىغى تۈپەيلىدىن “رۇمچە” دېگەن سۆز “ئۇرۇمچى” دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ قالغان دېگەنلىكتىن ئىبارەت. ئولار يەنە باشقا يۈزلىگەن چۆچەكلەر بىلەنمۇ ئۆزلىرىنىڭ دېمەكچى بولغان مەقسەتلىرىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. بىراق، ئولار بۇ كەلتۈرگەن ئىسپاتلىرى بولسا ئۆزلىرىگە خىجىللىق پەيدا قىلىدىغانلىغىنى بىلمەيدۇ.
بەزى يېڭى ياكى قەدىمقى تارىخ كىتابلىرىدا، بۇ زېمىننىڭ نامى “تەرفان” (تەرفان-ت) دەپ يېزىلىپ كەلگەن. بەزىلەر بۇ جاينىڭ نامىنى ئۇلۇغلاپ “تۇرپان” (تۈرفان-ت) دەپ يازغان ئىكەن. بىراق “تەرسۇس” دېگەن سۆزنىڭ قايسى زاماندا “تەرفان” سۆزىگە ئۆزگىرىپ قالغانلىغىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن، بەزى كېيىنكى تارىخچىلار ئۆز تارىخ كىتابلىرىدا “تەرسۇس” دېگەن ھەرپ “تەرفان” سۆزىگە ئۆزگىرىپ قالغان دەپمۇ يازغان ئىدى. ئەمما بۇ سۆزگە دەلىل-ئىسپات كېرەك. بىرەر ئادەمنىڭ گۇمان ۋە ئېھتىمال بويىچە دەپ قويىغان سۆزلىرى ھۆججەت ۋە ئاساس بولالمايدۇ. تەتقىقاتچى ئۆلىمالار ئۆز سۆزىنى پەقەت ئېنىق لۇغەت ئىلمى بىلەنلا بايان قىلىدۇ، ئەقلى قىياس بىلەن ھۆكۈم قىلمايدۇ. گەرچە “تەرسۇس” “تۇرپان” غا، “رۇمچە” “ئۇرۇمچى” گە ئايلاندى دېگەن سۆزنى راست دېگەندىمۇ، بۇ قاراشقا تەسىلىم بولغىلى بولمايدۇ چۈنكى، “تەرسۇس” دېگەن ئىسىمنىڭ ئىككى شەھەر ياكى ئىككى دىيارنىڭ نامى قىلىپ ئاتىلىشى ئېھتىمالى بار. ئىككى شەھەر ياكى ئىككى كەنتنىڭ نامىنى بىر ئات بىلەن ئاتايدىغان ئەھۋالمۇ بار.
ئەمدى ئۇرۇمچىنىڭ نامى بولسا تارىختا “ئۇرۇمچى”، “ئۇرۇمچىن”، “ئۇرۇمچى” دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. بونىڭ مەنىسى موغۇل تىلىدا “زېرەك”، “ھوشيار”، “باھادۇر” دېگەن سۆز بولىدىكەن. “ئۇرۇمچى” دېگەن نام بولسا موغۇل خانلىرىدىن دۈمەن خانىنىڭ نەۋرىسى ئەمىر قاچۇلى دېگەن كىشىنىڭ بىر ئوغلىنىڭ نامى ئىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئالتىنچى بوۋىسىنىڭ ئىسمى ئۇرۇمچى باھادۇر ئىكەن. بۇ ناھايىتى كاتتا ئەمىر ۋە نويانلارنىڭ تەبىقىسىدىن بولۇپ، لەقەپلىرى “بارلاس” ئىكەن. بارلىق بارلاس قەبىلىسىنىڭ نەسەپلىرى بۇ كىشىگە يېتىدۇ. بۇ كىشى ئۆز قەۋمى ۋە نەۋرە، چەۋرىلىرى بىلەن بۇ جايغا كېلىپ ماكان قىلىپ، ئۆي-ئىمارەتلەرنى ياساپ ئۆمۈر ئۆتكۈزگەنلىگى ئۈچۈن، مەزكۇر ئۇرۇمچى باھادۇرنىڭ ئىسمى بۇ جاينىڭ نامى بولۇپ قالغان ئىكەن. بۇ ھال جاھان سەھىپىسىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچراپ كەلگەن. بېيجىڭ ئەھلى ئۇرۇمچىنى “خۇمىيۈزە” دەپ ئاتايدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ رۇم دېگەن بىر شەھەرنىڭ نامى ئەمەس. بەلكى بۇ “ئۇلۇغ مەمىلىكەت” ياكى “ئىقلىم” دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك. رۇم زېمىنى ھەممە خالايىققا مەشھۇر بىر نامدۇر. رۇم شەھىرىنى رۇم بىننى ئەيىس (283) بىننى ئىسھاق (283) بىننى ئىبراھىم (284) ئەلەيھىسسالام بىنا قىلىپ ئاۋات قىلغان. شۇڭلاشقا، بۇ جاي ئەنە شۇ كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن رۇمنى ئەسغەر دەپمۇ ئاتايدۇ. ئونىڭ ئەۋلادلىرىنى بىننى ئەسغەر دەپمۇ قويىدۇ. رۇم شەھىرىنىڭ پادىشالارنى بولسا قەيسەر دەپ ئاتايدۇ، بۇ نام تارىخ ۋە جۇغراپىيە كىتابلىرىدا ناھايىتى مەشھۇر. رۇم زېمىنى بولسا ناھايىتى قەدىمقى جاي بولۇپ، ئۇ رۇم شەھىرى بىلەن داڭلىق چىققان. ئونىڭ پايتەختى قۇستەنتىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بېيجىڭ ئەھلى بۇ جاينى “رۇم گو” دەيدۇ. بۇ “رۇم ئىقلىمى” دېگەن سۆز ئىكەن. خۇداۋەندەكەرىم ئۆز كالامىدا “رۇملۇقلار زېمىنىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بىر جايىدا يېڭىلدى. ئولار پات يېقىندا يەنە غالىپ بولىدۇ” دەپ كۆرسەتكەن. دېمەك، رۇم دېگەن نام ئەنە شۇ ئايەت بىلەن قەيت قىلىنغان. بونىڭدىن گۇمانلىنىشقا ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. بۇ ئايەتتە دېمەكچى بولغان ۋەقە شۇكى، زامانە ئاۋۋالدا رۇم ئەھلى بىلەن پارسلار ئارىسىدا قاتتىق جەڭ-جىدەل بولۇپ، بۇ جەڭدە ئەھلى پارسلار غەلىبە قىلىپ، رۇمنى ئىلىكىگە ئېلىپ پادىشاھلىق قىلدى. يەتتە يىلدىن كېيىن خۇداۋەندەكەرىمنىڭ ياردەم ۋە مەدەتلىرى بىلەن رۇم ئەھلى غەلىبە قىلىپ، رۇمنى پارسلاردىن ئاجرىتىپ ئالدى. نەقىلچىلەر ئەھلى ۋە تارىخچىلار بۇ ۋەقەنى پەيغەمبەرگە ۋەھى كەلگەندىن كېيىن ۋە ھىجرەتتىن بۇرۇن يۈز بەردى دەپ بايان قىلىدۇ. لېكىن، ئەھلى رۇم قەبىلىلىرى ياكى ئەرەپ تايىپىلىرى تۇرپان، خۇمىيۈزە، تۇيۇق دېگەن يەرلەرگە ياكى موغۇلىستان ۋە تۈركىستان مەمىلىكەتلىرىگە غالىپ بولۇپ، ھۆكۈمرانلىغىنى جارى قىلدى، بۇ جايلارنىڭ شەھەرلىرىدە تۇرۇپ ماكان تۇتتى دېگەن سۆز ھېچقانداق تارىخ كىتابىدا ئۇچرىمايدۇ. گەرچە ئىسكەندەر رۇمى تۈركىستانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ سۇلھى قىلىپ ياندى، ھۆكۈمرانلىقتا تۇرالمىدى، لېكىن تۈركى موغۇللىرى گويا ئاسماندىكى يۇلتۇز ۋە زېمىندىكى قۇملارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، جەڭ-جىدەل ۋاقىتلىرىدا، ئولارنىڭ شىجائەت، قەھرىمانلىق ۋە جەڭگىۋارلىغى ھەممىگە رۇشەن ۋە ئاشكارىدۇر. موغۇل قەۋمىنىڭ زورلۇغى ھەممە خالايىققا مەشھۇردۇر. تۈركى موغۇللىرى رۇم، مىسىر، دەمەشىق، شام، ھەلەپ قاتارلىق ئەرەپ يۇرتلىرىنىڭ ئۈستىدىن نەچچە قېتىم غەلىبە قىلىپ، ھۆكۈمرانلىغىنى تىكلەپ، بۇ جايلاردىن ۋەتىن تۇتتى دېگەن سۆز ھەممىگە مەشھۇر.
لېكىن تۈركىستان ۋە موغۇلىستان دىيارلىرىنى، بۇرۇنقى زامانلاردا ئۆتكەن ھەزرىتى مۇسا ۋە ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالاۋات ۋە ئەئىممەھىيياتلارنىڭ دىن ۋە مەزھەپلىرىگە تەۋە قىلىپ ۋە تەغرىپ قىلىغان بىرەر قەۋم ۋە قەبىلىنىڭ بولغانلىغىنى، ھېچبىر تەپسىر ۋە تاۋارىخ بايان قىلغان ئەمەس. ھەتتا بۇنداق نەقىل ۋە ھېكايىسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. بۇنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئىسپات كېرەك، ئەلۋەتتە.
بەشىنچى دەلىل: تارىخچىلار ئەھلى ئەسھابۇلكەھەفنىڭ قەددى-قامىتىگە قارىغاندا، ئۆزۈن بويىلۇق ۋە يوغان باشلىق كىشى ئىدى. بويىنىڭ ئۆزۈنلۈغى بىلەن بېشىنىڭ چوڭلۇغى قىرىق گەزدىن-ئاتمىش گەزگىچە بار ئىدى، دەپ بايان قىلىدۇ. بۇنداق كاتتا ۋە زور قامەتلىك كىشىگە ئۆز قەددى-قامىتى سىغىدىغان كەڭ ۋە زور جاي بولمىسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما بۇ تۇيۇقتىكى كىچىك بىر غاردۇر. ئونىڭ ئىچىگە قويماي سىغمايدۇ. ئايەتتە بولسا ئەسھابۇلكەھەفنىڭ سان-يوتىسى ئۈچ (گەز) دىن سەككىز (گەز)گىچە دەپ بايان قىلىنغان. بونچىلىك زور قەددى-قامەتلىك كىشىلەر قانداق قىلىپ بونچىلىك غارغا سىغىدۇ، بەس. ئەلۋەتتە ئويلاپ پىكىر قىلىش لازىم. چۈنكى، بۇ ئەھۋال پەھم ۋە قىياسىتىنمۇ يىراق-تۇر.
ئالتىنچى دەلىل: تۇرپاندىكى غار بولسا ھەق تائالا ئۇلۇغ قۇرئانىدا بايان قىلغان غارنىڭ تەرىپى بىلەن ئوخشىمايدۇ. قۇرئاندا بايان قىلىنغان غارنىڭ ئالامىتى بولسا، كۈن چىققان چاغدا، ئۇ غارنىڭ يۈزىگە كۈن چۈشمەيدۇ، بەلكى ئۇ خۇدايى تائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن سايىدا تۇرىدۇ. تۇيۇقتىكى بۇ غار بولسا تامامەن ئونىڭ ئەكسىچە بولۇپ، كۈن چىققان ھامان ئونىڭ يۈزىگە كۈن چۈشىدۇ. چۈش ۋاقتىنىڭ ئالدى ۋە كېيىندىمۇ، خۇددى باشقا يەرگە كۈن چۈشكىنىدەك، ئونىڭ يۈزىدە كۈن سايىسى بولىدۇ. ئەسھابۇلكەھەفكە بارغان ھەرقانداق ئادەم بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن ئوچۇق كۆرەلەيدۇ ۋە بىلەلەيدۇ، خۇداۋەندەكەرىم بۇ ھەقتە “ئەي كۆرگۈچى! كۈن چىققان چاغدا ئاپتاپ نۇرى ئۇ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن بۇرۇلۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. كۈن پاتىدىغان چاغدا ئاپتاپ نۇرى ئۇ غارنىڭ سول تەرىپىدىن بۇرۇلۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئولار (ئەسھابۇلكەھەب—ت) ئەنە شۇ غارنىڭ بوش ئوچۇق يېرىدە تۇرىدۇ. بۇ ئاللانىڭ قۇدرەت نىشانىسى بولۇپ، ئۇ كىمنى خالىسا توغرا يولغا باشلىيالاييدۇ ۋە كىمنى خالىسا بۇ يولدىن ئازدۇرالايدۇ—بەس! سەن ھەرگىز ئونىڭ ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچى مۇرىشىد ئىزدىمە” دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. يەنى “ئەي مۇھەممەت رەسۇلىللا، ئەسھابۇلكەھەف بار جايغا بېرىشنى ۋە بۇ غارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشنى خالىساڭ، ئۇ غارغا بارغىن، ئەسھابۇلكەھەف ھازىر شۇ غارنىڭ ئىچىدە. بۇ غارنىڭ ئالامىتى ۋە نىشانىسى شۇكى، كۈن چىقىپ ئاپتاپ نۇرى غارغا مايىل بولغان چاغدا، ئونىڭ ئوڭ تەرىپىگە كۈن چۈشمەيدۇ. ئەنە شۇ غار ئەسھابۇلكەھەف غارىدۇر” دېگەن ئىدى. خۇداۋەندەكەرىم يەنە بۇ ئايەتتە “بۇ غار شۇنداق كەڭ بىر ماكاندۇركى، ئونىڭ ئۆزگىرىسى يوق، سايە قىلىدىغان بىر نەرسىمۇ يوق، ئوتتۇرىسىدا ئوچۇق، كاتتا بىر سەھنە بولۇپ، بۇ جايغا كۈننىڭ ھارارىتى ۋە نۇرى چۈشمەيدۇ” دەيدۇ. بۇنداق ئالامەت پەقەت خۇداۋەندەكەرىمنىڭ قۇدرىتىدىن باشقا نەرسىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەستۇر. بۇنداق ئالامەت بولسا پەقەت خۇداۋەندەكەرىمنىڭ بىرلىگىنىلا كۆرسىتىدۇ—بەس. دېمەك، ئەسھابۇلكەھەف ئەنە شۇ غارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ. ئونىڭ تېنىگە راھەت شامال تېگىپ تۇرىدۇ. بۇ غار ئاپتاپ ھارارىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىغىغا ئوخشاش غەم-ئەندىشە ۋە تەشۋىشلەردىن خالى ۋە ئاماندۇر. بۇ ئەسھابۇلكەھەف غارىنىڭ ئىشىگى ئاسماندىكى چوق ئېيىق يۇلتۇزىنىڭ دەل ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ. كۈننىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى دەل سەرتان يۇلتۇزىنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشىغا، يەنى سەرتان بۇرچىغا يېقىن كېلىدۇ، سەرتان يۇلتۇزى دەۋرى قىلىپ تۇرىدۇ. كۈن چىققاندا، سەرتان يۇلتۇزى ئەسھابۇلكەھەفنىڭ غارىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، كۈن ئولتۇرغان چاغدا بولسا، ئۇ كۆھەفنىڭ چەپ تەرىپىدە، يەنى غارنىڭ شەرق تەرىپىدە بولىدۇ. بۇ ئىككى ۋاقىتتا كۈن نۇرىنىڭ ئەكسى شولىسى غارغا چۈشۈپ، غارنىڭ سېسىق پۇراقلىرىنى چىقىرىپ، ياخشى ھاۋا بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. لېكىن، كۈن نۇرى زادىلا غارغا بىۋاستە كىرمەيدۇ. ئەگەر كۈن نۇرى بىۋاستە غارغا چۈشۈپ قالسا، ئەسھابۇلكەھەفنىڭ مۇبارەك جەسەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈپ، كىيىملىرىنى چىرىتىۋەتكەن بولار ئىدى. شۇڭلاشقا، كۈن نۇرى زادىلا بىۋاستە غارنىڭ ئىچىگە چۈشمىگەن. بۇ غارنىڭ مۇبارەك ئەتراپ ۋە دىۋارلىرىغا كۈن نۇرىنى چۈشۈرۈپ، ئونىڭ ئىچىگە چۈشۈرمەي، غارنى ئاپەت ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلىغانلىق بولسا، خۇداۋەندەكەرىمنىڭ بىرلىگى ۋە تەنھالىغىنىڭ ئالامىتى ۋە دەلىلىدۇر. خۇدايىتائالا ئۆز بەندىلىرىنىڭ بىرىسىگە تەۋپىق ۋە ھىدايەت ئاتا قىلىدىغان بولسا، ئۇ جەھەننەم دوزاخ ئوتىدىن قۇتۇلالايدۇ.
ئەگەر بىرىسىنى يولدىن ئاداشتورماقچى بولسا، ئۇ گەرچە توغرا ۋە راستلىقنى ئىزدەگەن بىلەنمۇ توغرا ۋە ھىدايەتكە ئىگە بولالمايدۇ. تەۋپىق ۋە ھىدايەتنىڭ ھەممىسىلا، پەقەت خۇداۋەندەكەرىمنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ. بۇ خىل ئالامەت ۋە مۆجىزاتلار بولسا، جاھان سەھىپىسىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەگەر خۇداۋەندەكەرىم تەۋپىق ھىدايەت، نۇرلۇق نۇسرەت ۋە ئىبرەتنى، ئۆزىنىڭ قەدىم ئىلمى ئارقىلىق ئۆز غايىپ خەزىنىسىدىن ئاتا قىلمايدىكەن، ئەنبىيائى ئەلەيھىسسالاملار، ماشايىخى كىراملار ۋە مازاراتى ئەزاملارمۇ ئۆز خىزمەت ۋە زىيارەتلىرىدىن مەنپەئەت ئېلىشقا مۇيەسسەر بولالمايدۇ. ئاللا ئۆزىنىڭ قەدىمى كالامىلىرىدا، ئەسھابۇلكەھەفنىڭ نىشانە ۋە ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بەرگەندە، ئۆزىنىڭ بۇ تايىپىلاردىن رازى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، ھەرقايسى زاماندا ياشىغان ھەرقانداق بىر كىشى ئايەتتە كۆرسىتىلگەن مەزكۇر ئالامەتلەرنى مەيلى شەرق ياكى غەربىي تەرەپتىن تاپسىلا، مۇراد ۋە مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغان تاپقان بولىسىلەر. ئەگەر بۇنداق بولمىسا، قىلغان تاما ۋە تەلەپلىرىڭلار ۋە مېھنەت-مۇشەققەتلىرىڭلار بىكار بولۇپ، بۇ بىھۇدە زىيان تارتقانلىق-تىن باشقا نەرسە بولمايدۇ.
يەتتىنچى دەلىل: ئايەت كېرىمىدە “سەن ئولارنى ئويغاق دەپ گۇمان قىلىشىڭ مۇمكىن، ۋاھالەنكى، ئولار ئۇيقۇدادۇر. مەن ئولارنى ئوڭغا ۋە سولغا ئۆرۈپ قويىمەن. ئولارنىڭ ئىتلىرى بولسا ئىككى پۇتىنى دەرۋازىغا سوزۇپ ياتىدۇ. ئەگەر سەن ئولارغا قارايدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئولاردىن قورقۇپ قاچىسەن ھەم قاتتىق ۋەھشەتكە چۈشىسەن” دەپ كۆرسەتكەن. يەنى: ئەي مۇھەممەت، ئەسھابۇلكەھەفنىڭ كۆزى ئوچۇق ۋە ئويغاق دەپ گۇمان قىلىسەن، ۋاھالەنكى، ئانداق ئەمەس. بەلكى ئۇ ئۇخلايدۇ، لېكىن ئونىڭ كۆزى ئۇخلىغان ئادەم كۆزىنىڭ ئەكسىچە ئوچۇق تۇرىدۇ. ئونىڭ جەسسدىگە زىيان يەتمەسلىگى ئۈچۈن، خۇددى ئۇخلىغان ئادەم ئوڭ يان ياكى بۇ يانغا ئۆرۈلگەندەك، ئۇنى ئۆزىمىز ئۆرۈپ قويىمىز؛ ئۇ بۇ جايدا ئىككى قولنى يېيىپ ياتىدۇ. ئەگەر بونىڭغا قارىساڭ قورقۇپ قېچىپ كېتىسەن. (يەنى ئونىڭ سۈلتى ناھايىتى ھەيۋەتلىك، قەددى-قامەت ۋە شەكلى ناھايىتى چوڭ ۋە يوغان، تىرناق ۋە ساقاللىرى بەكمۇ ئۇزۇندۇر). بۇ قورقۇنچنى ئىچىڭگە سىغدۇرالمايسەن” دەپ كۆرسىتىلگەن.
پەيغەمبەر ئاخىر زامان مۇھەممەت مۇستاپا سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاسمان ۋە زېمىن پەرىشتىلىرى بىلەن قورقماي سۆزلەشكەن، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى ئۆز شەكلىدە كۆرگەن، ئونىڭ ئالتە يۈز قانىتى بار ئىدى. ئەگەر ئۇ ئىككى قانىتىنى يېيىپلا قويسا، زېمىن ئۈستىگە كۈن نۇرى چۈشمەيتتى. پەيغەمبەر ئاخىر زامان يەنە جىنلار بىلەن سۆزلەشكەن ۋە ئولارنى ھىدايەتكە باشلاپ، قۇرئاندىن تەلىم بەرگەن ئىدى. ئۇ يەنە شەيتاننىمۇ كۆرگەن بولۇپ، بۇ تايىپىلەردىنمۇ قورقمىغان ئىدى. دېمەك، پەيغەمبەر ئاخىر زامان بولسا ھەممە ئىنسان ۋە جاندىن قۇۋۋەتلىك، غەيرەتلىك، قورقماس يۈرەكلىك كىشى بولۇپ يارالغان ئاۋالقى زات ئىدى. ھالبۇكى، خۇداۋەندەكەرىم ئۆز ئايەتلىرىدە مۇشۇنداق بىر يۈرەكلىك ئادەمگە “سەن ئەسھابۇلكەھەفنى قورقۇپ كۆرەلمەيسەن” دەپ خەۋەر بەرگەن تۇرسا، باشقا ئادەم قانداق قىلىپ ئونى قورقماستىن كۆرەلەيدۇ؟ دېمەك، بۇنى ئەقىل بىلەن قىياس قىلىپ، پەھم-ئىدراك بىلەن تەسىۋۇر قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن گەپ-سۆزلەرگە قارىغاندا، تۇيۇقنىڭ شەيخلىرى ئەسھابۇلكەھەفنى ئاشكارا كۆرگەن ئىمىش، چىراق يېقىش ئۈچۈن ئەسھابۇلكەھەفكە كىرىمىش، يوچۇقلرىنى ھەر دائىم يېگىلەپ تۇرارمىش دېگەن سۆزلەر بار.
يەنە مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىقنىڭ زامانىدا بىر ئەرەپ بۇ غارغا كىپتۇ-دە، ئومۇ ئەسھابۇلكەھەفنى خۇددى باشقا شەيخلەردەكلا كۆرگەنلىگىنى سۆزلەپتۇ. ئونىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئەسھابۇلكەھەفنى ساقلايدىغان ئىتنىڭ جەسىدى كىمخاپ، تاۋار، ئەتلەس بىلەن يېپىلغان ۋە تاشقا ئايلانغان. ئەسھابۇلكەھەفنىڭ ئۆز جەسىدىمۇ تاشقا ئايلانغان دەپ نەقىل قىلىشىدۇ. ئونىڭ بۇ سۆزلىرى ئەسھابۇلكەھەفكە بولغان بۆھتان ۋە ئو ھەقتە توقۇلغان يالغانچىلىقتۇر. ئايەت شېرىپنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، ئاللا ئەسھابۇلكەھەفنىڭ مۇبارەك جەسىدىنى خۇددى تىرىك ئادەملەرنىڭ بەدىنىگە ئوخشاش قىلىپ ئوبدان ساقلاشقا قادىردۇر. ئونىڭ زىيان-زەخمەت ۋە ئاپەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ياكى ئۆزگىرىپ چىرىپ كېتىشىدىن ئەلۋەتتە مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئوبدان كۆرگەن مەخلۇقلرنىڭ تۈسىنى ھەرگىز ئۆزگەرتىپ باشقا سۈرەتكە ئايلاندۇرمايدۇ. ئەگەر قاراشلىرىمىزنى ئىسپات قىلىشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ئولارنىڭ بۇ سۆزلىرى پەقەت بىزنىڭ پايدىمىزغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا مەنسۇپتۇر. ئولار بولسا بۇ ھالنى بىلمەيدۇ. سىزلەرمۇ بۇنى مۇلاھىزە قىلىپ سىناپ باققاىسىزلەر.
سەككىزىنچى دەلىل: ئەسھابۇلكەھەفنىڭ قىسسىلىرى بولسا، زاماننىڭ ئاجايىپ ۋە غارايىپلىرى جۈمىلىسىدىن بولۇپ، بارلىق ئەھلى تەپسىر ۋە مۇئەررىخلىرىنىڭ زېھنى پىكىرلىرى ۋە قەلەم تىللىرى بۇ بىپايان چوڭقۇر دەريانىڭ ھەقىقى تېگىگە يېتەلمەي، ھەممىسى ھەيران-سەرگەردان بولماقتا. ئەسھابۇلكەھەف بىلەن ئەسھابۇر رەقىم بىرمۇ ياكى باشقا-باشقىمۇ؟ ئۇ بۈگۈنكى كۈندە تىرىكمۇ ياكى باشقا خالايىققا ئوخشاش ئۆلۈپ كەتكەنمۇ؟ ئۇ قايسى زامان ۋە قايسى تارىختا تۇغۇلغان؟ ئونىڭ ئىسمى كىم؟ ئاتىسى كىم ۋە قايسى قەبىلىگە مەنسۇپ؟ قايسى جاي-ماكاندا ئۆتكەن ۋە سانى قانچە؟ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ھەممە تەپسىرچى ۋە مۇئەررىخلەر، جۈملىدىن ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا ھەرقايسى زامان، ھەرقايسى ماكان ۋە ھەرقايسى تىللاردا ھەر دائىم ئىختىلاپلار بولۇپ كەلمەكتە. دېمەك، ئەسھابۇلكەھەف بۇنداق ئىختىلاپلاردىن زادىلا خالى بولمىغان.
خۇداۋەندەكەرىم ئۆز قۇرئانى كالامىدا ئەسھابۇلكەھەف توغرىسىلىق خەۋەر بەرگەندە، ئۇ يەنە ئەسھابۇلكەھەف ئۈچ يۈز توققۇز يىلغىچە غاردا ئۇخلىدى، ئاندىن يەنە ئويغاندى ۋە ئاندىن يەنە ياتتى دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئاللاتائالانىڭ قۇرئانى شېرىپتە بەرگەن خەۋەرلىرىدىن كەم ياكى ئارتۇق گەپ قىلىشقا قۇدرىتىمىز يوق، ئۇ تاھازىرغىچە مۇشۇ ئەھۋالدا تۇرماقتا. بىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىدا “ئولار ئۇيقۇدادۇر. مەن ئولارنى ئوڭغا ۋە سولغا ئۆرۈپ قويىمەن” دەپ كۆرسىتىلگەن. يەنى ئولار ئۇخلايدۇ لېكىن ئولار تىرىكتۇر. بۇ بولسىمۇ خۇدايىتائالانىڭ بىرلىگى، باقىلىغى ۋە كارامىتىنىڭ كۆپلۈگىنىڭ ئىشەنچلىك دەلىلىدۇر.
بەزى ئۆلىمالار ئەسھابۇلكەھەفنى خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشكەندىن كېيىن شام شېرىپتە كۆرۈشىدۇ دەپ بايان قىلىدۇ. ئەسھابۇلكەھەفنىڭ تەرىپ ۋە سۈپەتلىرى ھەممە تەپسىر كىتابلىرى ۋە تارىخلاردا بايان قىلىنغانلىغى ئۈچۈن، بىز بۇ يەردە يەنە ئالاھىدىە تەكرارلىمىدۇق. بىزنىڭ بۇ جايدىكى غەرىزىمىز بولسا ئەسھابۇلكەھەفنىڭ ھەقىقى تەرىپ ۋە سۈپەتلىرى ھەققىدە چۈشكەن ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تەھقىق ۋە تەپتىش قىلىپ، زېھنى ئىدراكىلىرىمىزگە مەلۇم بولغانلىرىنى ئاشكارا بايان قىلىپ، ئۇنى كېيىنكىلەرگە يادىگار ۋە نەمۇنە قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، بىز بۇ جايدا ئەنە شۇنداق ئىرادە بىلەن بىر قانچە سۆزنى ۋاراق سەھىپىسىگە تىزىپ يېزىشقا جۈرئەت قىلدۇق. راست ۋە يالغانلىغىغا خۇدا ئۆزى ئىگە.
ئەسھابۇلكەھەف بولسا، خۇدانىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۆممەتلىرىدىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ خۇداۋەندەكەرىمنىڭ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۇلۇغ قىلىغان ئادىمىدۇر. شۇڭلاشقا، بىزىمۇ ئۇنى ئۇلۇغ دەپ بىلىشىمىز لازىم. لېكىن، مەككە مۇئەززەمەدىن باشقا جايلاردىكى، يەنى، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ۋە ياكى باشقا جايلاردىكى ئەنبىيائى ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋرىسى ياكى ئەسھابۇلكەھەف ۋە ئونىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەۋرىسى قاتارلىقلارنى خۇددى مەككە مۇئەززەمەگە ئوخشىتىپ دەۋر قىلىش، تاۋاپ قىلىش ياكى ئىبادەت قاراشلىرىمىزنى ئىسپات قىلىشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ئولارنىڭ بۇ سۆزلىرى پەقەت بىزنىڭ پايدىمىزغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا مەنسۇپتۇر. ئولار بولسا بۇ ھالنى بىلمەيدۇ. سىزلەرمۇ بۇنى مۇلاھىزە قىلىپ سىناپ باققاىسىزلەر.
سەككىزىنچى دەلىل: ئەسھابۇلكەھەفنىڭ قىسسىلىرى بولسا، زاماننىڭ ئاجايىپ ۋە غارايىپلىرى جۈمىلىسىدىن بولۇپ، بارلىق ئەھلى تەپسىر ۋە مۇئەررىخلىرىنىڭ زېھنى پىكىرلىرى ۋە قەلەم تىللىرى بۇ بىپايان چوڭقۇر دەريانىڭ ھەقىقى تېگىگە يېتەلمەي، ھەممىسى ھەيران-سەرگەردان بولماقتا. ئەسھابۇلكەھەف بىلەن ئەسھابۇر رەقىم بىرمۇ ياكى باشقا-باشقىمۇ؟ ئۇ بۈگۈنكى كۈندە تىرىكمۇ ياكى باشقا خالايىققا ئوخشاش ئۆلۈپ كەتكەنمۇ؟ ئۇ قايسى زامان ۋە قايسى تارىختا تۇغۇلغان؟ ئونىڭ ئىسمى كىم؟ ئاتىسى كىم ۋە قايسى قەبىلىگە مەنسۇپ؟ قايسى جاي-ماكاندا ئۆتكەن ۋە سانى قانچە؟ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ھەممە تەپسىرچى ۋە مۇئەررىخلەر، جۈملىدىن ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا ھەرقايسى زامان، ھەرقايسى ماكان ۋە ھەرقايسى تىللاردا ھەر دائىم ئىختىلاپلار بولۇپ كەلمەكتە. دېمەك، ئەسھابۇلكەھەف بۇنداق ئىختىلاپلاردىن زادىلا خالى بولمىغان.
خۇداۋەندەكەرىم ئۆز قۇرئانى كالامىدا ئەسھابۇلكەھەف توغرىسىلىق خەۋەر بەرگەندە، ئۇ يەنە ئەسھابۇلكەھەف ئۈچ يۈز توققۇز يىلغىچە غاردا ئۇخلىدى، ئاندىن يەنە ئويغاندى ۋە ئاندىن يەنە ياتتى دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئاللاتائالانىڭ قۇرئانى شېرىپتە بەرگەن خەۋەرلىرىدىن كەم ياكى ئارتۇق گەپ قىلىشقا قۇدرىتىمىز يوق، ئۇ تاھازىرغىچە مۇشۇ ئەھۋالدا تۇرماقتا. بىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىدا “ئولار ئۇيقۇدادۇر. مەن ئولارنى ئوڭغا ۋە سولغا ئۆرۈپ قويىمەن” دەپ كۆرسىتىلگەن. يەنى ئولار ئۇخلايدۇ لېكىن ئولار تىرىكتۇر. بۇ بولسىمۇ خۇدايىتائالانىڭ بىرلىگى، باقىلىغى ۋە كارامىتىنىڭ كۆپلۈگىنىڭ ئىشەنچلىك دەلىلىدۇر.
بەزى ئۆلىمالار ئەسھابۇلكەھەفنى خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشكەندىن كېيىن شام شېرىپتە كۆرۈشىدۇ دەپ بايان قىلىدۇ. ئەسھابۇلكەھەفنىڭ تەرىپ ۋە سۈپەتلىرى ھەممە تەپسىر كىتابلىرى ۋە تارىخلاردا بايان قىلىنغانلىغى ئۈچۈن، بىز بۇ يەردە يەنە ئالاھىدىە تەكرارلىمىدۇق. بىزنىڭ بۇ جايدىكى غەرىزىمىز بولسا ئەسھابۇلكەھەفنىڭ ھەقىقى تەرىپ ۋە سۈپەتلىرى ھەققىدە چۈشكەن ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تەھقىق ۋە تەپتىش قىلىپ، زېھنى ئىدراكىلىرىمىزگە مەلۇم بولغانلىرىنى ئاشكارا بايان قىلىپ، ئۇنى كېيىنكىلەرگە يادىگار ۋە نەمۇنە قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، بىز بۇ جايدا ئەنە شۇنداق ئىرادە بىلەن بىر قانچە سۆزنى ۋاراق سەھىپىسىگە تىزىپ يېزىشقا جۈرئەت قىلدۇق. راست ۋە يالغانلىغىغا خۇدا ئۆزى ئىگە.
ئەسھابۇلكەھەف بولسا، خۇدانىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۆممەتلىرىدىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ خۇداۋەندەكەرىمنىڭ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۇلۇغ قىلىغان ئادىمىدۇر. شۇڭلاشقا، بىزىمۇ ئۇنى ئۇلۇغ دەپ بىلىشىمىز لازىم. لېكىن، مەككە مۇئەززەمەدىن باشقا جايلاردىكى، يەنى، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ۋە ياكى باشقا جايلاردىكى ئەنبىيائى ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋرىسى ياكى ئەسھابۇلكەھەف ۋە ئونىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەۋرىسى قاتارلىقلارنى خۇددى مەككە مۇئەززەمەگە ئوخشىتىپ دەۋر قىلىش، تاۋاپ قىلىش ياكى ئىبادەت دەپ ئېتىقاد قىلىش بولسا كاپىرلىق بولىدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىش بولسا شەرئى شېرىپكە توغرا كەلمەيدۇ. ھەرقانداق ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەلنى پەقەت ئاللا يولى ئۈچۈنلا قىلىش كېرەك. خۇدادىن باشقىغا ئىبادەت قىلىش ياكى شېرىك قىلىش بولسا كاپىرلىق بولىدۇ. بىز خۇدايىتائالانىڭ بەندىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنبىيا ۋە ئەۋلىيا، مازارى ماشايىخلارنىمۇ خۇدانىڭ بەندىسى دەپ تۇنۇپ، ئولارنىڭ ئەقىدىسىنى ئۆز يولى بىلەن قىلىش بولسا ۋاجىپتۇر.
توققۇزىنچى دەلىل: زېمىن يۈزىدىكى بۇ غار پەقەت بىر شەھەر ياكى بىر كەنتكىلا خاس ئەمەس. بەلكى بۇنداق غارلار نۇرغۇن شەھەر ۋە تاغلاردا ناھايىتى كۆپ. ھەرقايسى شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئەسھابۇلكەھەفنى بىزنىڭ شەھىرىمىزدە دېگەن گۇمانى سۆزلەرنى قىلىدۇ. لېكىن، ئولارنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچلىك دەلىلى يوق. گۇمان بىلەن كەلتۈرگەن دەلىل بولسا ھەرقانداق ۋاقىتتا توغرا كەلمەيدۇ. ھالبۇكى، تۇرپان ئەھلى ئەسھابۇلكەھەفنى بۇ جايدا دەپ قانداق ئىسپاتلايدۇ؟ بىز خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، قەدىمقىلەردىن بولغان مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ھەزرىتى ئابابەكرى سىددىق (285) ۋە ئۆمەر فارۇق (286) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن باشقا، يەنە ئەسھابۇلكەھەفنىڭ قايسى جاي ۋە ماكاندا ئىكەنلىگى، خۇددى يۇقىرىقىغا ئوخشاشلا نامەلۇمدۇر. بۇنىڭدا سىرلىق بىر ھېكمەت باركى، ئۇ بولسىمۇ ئۇنى خۇداۋەندەكەرىم بىلدۈرگەندىلا بىلگىلى بولىدۇ.
بەزى ئادەملەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئەسھابۇلكەھەفنى بىر قېتىم زىيارەت قىلغانلىق يېرىم ھەجىلىك بىلەن باراۋەر، ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغانلىق تولۇق ھەجىلىك بىلەن باراۋەر ئىكەن ۋە بۇنداق ئادەملەردىن ھەج ساقىت بولىدىكەن. بۇنداق ئەقىدىدە قىلغۇچىلار بولسا تۆت مەزھەپ (287) ۋە مىللەتتە مەلئۇن ۋە مۇرتەت، كاپىر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، ئىسلامى شېرىپنىڭ بىناسى بەش بولۇپ، ئونىڭ ھەر بىرى بىر ۋاقىتتا ۋەدە قىلىنغان ۋە بىر ماكانغا تەيىن ھەم بىر زامانغا مەخسۇستۇر. بۇ مەزكۇر بەنايى مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ھەر بىرىسى نەچچە شەرت ۋە رۇكىنىلەر بىلەن بەرپا بولىدۇ ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى قەتئىي ھۆكۈملەر بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. قەتئىي ھۆكۈم بىلەن بولغان شەرت ۋە رۇكىنىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئونىڭدىن باش تارتىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھەجنىڭ رۇكىنىلىرى ۋە ئونىڭ ئادا بولۇشى پەقەت ئايەت ئارقىلىقلا بارلىققا كېلىدۇ. ئون ئىككى ئاي ئىچىدە بىر ئاي، يەنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنىدىن—ئون ئىككىنچى كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىلا ئاندىن ھەجنىڭ بارلىق رۇكىنىلىرى ۋە شەرتلىرى تامام بولىدۇ. بۇ خىل رۇكىننى ۋە شەرتلەرنى بۇ ۋاقىتتىن باشقا چاغ ۋە ماكاندا قىلسا توغرا بولمايدۇ. ھەتتا بۇ شەرت ۋە رەسمىيەتلەرنى باشقا بىر چاغدا مەككە مۇئەززەمە ياكى مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ئۆزىدىمۇ ئادا قىلسىمۇ توغرا بولمايدۇ. ھالبۇكى، بۇنىڭدىن باشقا جاي ۋە ماكان ياكى زاماندا باشقا بىر دىياردىكى مازاردا، مەسىلەن، ئەسھابۇلكەھەف، ئىمام جەپىرى سادىق قاتارلىق مازارلاردا ھەجنى قانداق قىلىپ ساقىت قىلغىلى بولىدۇ ۋە بۇ جايدا ئادا قىلىنغان “ھەج”نى قانداقمۇ قىلىپ مەككە مۇئەززەمەدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئادا قىلىنغان ھەج بىلەن تەڭ قىلغىلى بولىدۇ. دېمەك، مۇنداق ئەقىدىگە ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزى كاپىر ۋە خوتۇنى تالاقدۇر. بۇنداق ئەقىدىدە قىلغۇچىلار گەرچە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئولارنىڭ ھەممە ياخشى ئىشلىرى مۇشۇ ئەقىدە بىلەن تامامەن بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ھەتتا بۇ ئېتىقادقا ئازراق ئىشەنگۈچىلەر ياكى بۇنى كۆڭلىگە گۇمان بىلەن مۆكۈندۈرۈپ قويغۇچىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ.
بۇ دىيارلاردا ئۆزىنى مۇسۇلمان شەكلىگە كىرگۈزۈپ، خالايىقنى ئازغۇنلۇق، زالالەت ۋە جاھالەتكە باشلايدىغان جاھىل، نادان، ئىپلاس سوپىلار ناھايىتى كۆپ. ئەگەر ئىسلامى شېرىپنىڭ قەتئىي دەلىللىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلار دەيدىغان بولساق، ئۇ ئادەملەر پەقەت جاھىل سوپى ۋە ئالداچى ماشايىخلارنىڭ ئۆزىدۇر. خۇداۋەندەكەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنى ۋە ئولارنىڭ ئىش-ئەمەللىرىنى بۇ خىل ئالداچى ماشايىخ ۋە سوپىلارنىڭ يامانلىغىدىن ساقلاپ ئامان قىلغايسەن—بەس! بۇ جايدا شۇنچىلىكلا سۆزلەيلى.
دېمەك، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، خۇداۋەندەكەرىم ئەسھابۇلكەھەفنىڭ جاي-مەنزىلى ئاپتاپ چىققان ۋە ياتقان ۋاقتىدا مەلۇم بولىدۇ دېگەن ئىدى. بۇ تۇيۇقتىكى غار ئانداق ئەمەس. ئەسھابۇلكەھەفنى تۇيۇقتا دېگەنلەر بولسا ئاللاتائالانىڭ ھەق سۆزلىرىنى يالغان دېگۈچىلەردىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ خىل ئادەملەر بولسا ھەممە مەزھەپ، مىللەتنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلارنىڭ ئىبارەت. خۇدايىتالانىڭ سۆزلىرى ھەق ۋە راستتۇر. ئونى زادىلا يالغان دېگىلى بولمايدۇ. ئەمدى تۇيۇقتىكى غار بولسا، بەلكى ئاللانىڭ بىر بەندىسىنىڭ قەۋرىسى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەسھابۇلكەھەف بۇ جايدا ئەمەس. خۇدانىڭ دوستلىرى چۆل-جەزىرە ۋە باياۋانلاردا ناھايىتى كۆپ. يۇرت ۋە شەھەرلەرمۇ بۇلاردىن خالى ئەمەس. شۇنداقلا بۇ غار ئېھتىمال قالماق، موغۇللارنىڭ بۇت-سەنەمكانىلىرى بولسا كېرەك. ياكى بۇ جايدا ئىلگىرى بىرەر نەرسە بولماستىن، بەلكى بەزى نەزىر-نەزرات، قوي ۋە كالا كەلسۇن دەپ، بىرەر ئادەم بۇنى ئۆتكۈزمە كىچى بولۇپ، ھېلە-مىكىرلىك بىلەن ئالداپ تۇرۇپ قىلىپ قۇرغان بىر جاي بولسا كېرەك. ئومۇمەن بونىڭ ئېھتىمالى ھەممىدىن كۆپ.
خوتەندىكى نىياز ھاكىم بەك مۇھەممەت ياقۇپ بەك ئاتالىق غازىنىڭ زامانىدا، بىر مۇنچە ئالتۇن، كۆمۈشلەرنى يەرگە كۆمۈپ، ئۈستىگە تۇغ شادا ۋە ئەلەم، بايراقلارنى قاداپ، بىر كاتتا ئالى مازار پەيدا قىلغان ئىدى. بۇ يۇقىرىدا نىياز ھاكىم بەك قىسسىسىدە بايان قىلىندى. بۇنداق ھېلە-مىكىرلىك ئىشلار جاھان سەھىپىسىدە ناھايىتى نۇرغۇن ئۆتكەن. ھېلە-مىكىر قىلغۇچىلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ مىكىرلىرىدىن پانا تىلەش لازىم—بەس! مۆمىن مۇسۇلمانلار بولسا بۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىشى لازىم. بۇ خىل ساختا ۋە يالغان مازارلاردىن ئېھتىيات قىلىش ۋاجىپتۇر ۋە بۇنداق جاي ۋە ماكانلارغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇلۇغلاپ زىيارەت قىلىش بولسا دىنى ئىسلامدىن چەتنىگەنلىك بولىدۇ. بەزىلەر پۇل ۋە غەزىنە ئىزدەپ مازارى ماشايىخلارنىڭ قەۋرىسىنى ئاچسىلا، موغۇللارنىڭ ئۇلۇغى ۋە ياكى بۇتتەك نەرسىلەر چىقىدىكەن دەپ ھېكايە قىلىدۇ. پەتۋا كىتابلىرىدا بايان قىلىنىشچە، بۇتنى ئۇلۇغلاپ ھۆرمەت قىلىش، ئونى زىيارەت قىلىپ دەۋر-تاۋاپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللا ۋە رەسۇلىللانىڭ كىتابلىرىدىكى سۆزلىرىگە خىلاپ. ئەي ياران ۋە ئەزىزەلەر، بۇ خىل نالايىق ئېتىقاتلاردىن ھەزەر ۋە يەنە ھەزەر قىلىڭلار، بەس ۋە يەنە بەس بولۇڭلار!
ئونىنچى دەلىل: ئۇ قۇدرەتلىك ئاللا ئۆزىنىڭ ئالىمەشۇمۇل قۇرئانى كالامىدا ئەسھابۇلكەھەفنىڭ ئالامەتلىرىنى مەخسۇس ۋە ئايىرىم بايان قىلمىغان بولسا ئىدى، يۇقۇرىقى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى شەرق ۋە غەربتىكى ھەممە غارلارغا تەتبىق قىلغىلى بولاتتى. ھەتتا ھەق سۇبھاىنى تائالا ئېيتقان غارنى تۇيۇقتىكى شۇ غارنىڭ ئۆزىدۇر دېگەن ئېتىقاتمۇ توغرا بولۇپ چىققان بولار ئىدى. لېكىن، ھەق سۇبھانى تائالا ئۆز قەدىمى كالامىلىرىنىڭ ئىچىدە “ئەسھابۇلكەھەف ئاپتاپ چىققان ۋە پاتقان بۇ ئىككى ۋاقىتتا، كۈن نۇرى بۇغارنىڭ ئوڭ ۋە چەپ تەرىپىگە مايىل بولىدۇ، لېكىن بۇ ئىككى ۋاقىتتا ئاپتاپنىڭ ھارارىتى ۋە نۇرى غارغا كىرمەيدۇ” دەپ خەۋەر بەرگەن. ۋاھالەنكى، ئۇ غارنىڭ ئۈستى ئوچۇق، ئاپتاپ نۇرىغا سايە بولىدىغان ھەم ئاپتاپنىڭ ھارارىتىنى توساپ تۇرىدىغان بىر نەرسە يوق ئىدى. ئەگەر يەر يۈزىدىكى بىرەر غار دەل خۇداۋەندەكەرىمنىڭ قۇدرەت ۋە كامالىتى ئارقىلىق بولغان بۇ غارنىڭ تەرىپىگە ئوخشايدىكەن، دەل ئەنە شۇ غار ئەسھابۇلكەھەفنىڭ غارى بولغان بولىدۇ، ئونىڭدىن باشقا جايدىكى غار بولسا ئەسھابۇلكەھەفنىڭ غارى ئەمەس بولۇپ چىقىدۇ—بەرس. ئەگەر تۇرپان شەھىرىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەسھابۇلكەھەف ئۇشبۇ تۇيۇقتا دەپ ئېتىقات قىلىدىكەن، بۇلارنىڭ ئېتىقادى، بىزنىڭچە، شەرىئەت شېرىپنىڭ ھۆكۈملىرىگە توغرا كەلمەيدۇ. چۈنكى، ئولارنىڭ بۇ ئېتىقادى ئايەت، ھەدىس تەپسىر ۋە تارىخلارنىڭ بايانىغا قارشىدۇر ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىرىمۇ زادىلا ئەسھابۇلكەھەفنى تۇيۇقتا دەپ كۆرسەتمىگەن. ئەگەر ئۇ بۇ جايدا بولسا ئىدى، ئولار ئونىڭغا جەزمەن دەلىل كۆرسەتكەن بولار ئىدى. سوپى ماشايىخلار ياكى پادىشالاردىن باقى قالغان بىدئەت ۋە بايان ئىشلارنىڭ ئاۋام خەلق ئارىسىدا ئۆرۈپ-ئادەت بولۇپ قېلىشى بىلەنلا ئۇنى ئىشەنچلىك دەلىل دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملار ۋە ئۆلىمائى ھەقىقەتچىلەر تەرىپىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئىسپات قىلىنمىغان شۇڭلاشقا، بۇنداق تايىپىلەرنىڭ ھەممىسى كاپىرلارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. كەبى شېرىپكە ئوخشىتىپ غار، مازار ۋە قەۋرىلەرگە سەجدە قىلىش، مازار ۋە قەۋرىلەرنى دەۋرى قىلىپ ئايلىنىش ۋە قوي، كالا، تۆگە قاتارلىقلارنى ئولتۇرۇپ پەرىزەنت تىلەش، رىزقى-رۇزۋانە ۋە شىپالىق تەلەپ قىلىش، ھەدىيە ئەۋەتىپ ۋەسىلە تەۋەررۈك ئىزدەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا ھەدىس شېرىپتە بىدئەتچىلىك دەپ كۆرسىتىلگەن. بارلىق بىدئەتچىلىك، زالالەتلىك بولسا، جەزىمەن زالالەت ئوتىنىڭ ئىچىگە، يەنى جەھەننەمگە كىرىدۇ.
«سەھىھۇل بۇخارى (288)»، «سەھىھۇل مۇسلىمى (289)» ۋە «شەرھى بەقەۋى (290)» قاتارلىق ھەدىس شېرىپلەردە “ئاتا-ئانىسىغا لەنەت قىلغانلىق بولسا كىشىگە لەنەت قىلغانلىق؛ ئاللانىڭ غەيرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغانلىق بولسا كىشىگە لەنەت قىلغانلىق؛ شەرىئەت شېرىپكە خىلاپ بىدئەت ۋە يامان ئىشلارنى قىلغانلىق ياكى ئاللانىڭ غەيرىگە ئىتائەت بەرگەنلىك بولسا ئاللانىڭ ئۆزىگە لەنەت قىلغانلىق؛ يەر-زېمىننىڭ ھۆدۈت-پاسىللىرىنى (چېگىرىسىنى—ت) ئۆزگەرتكەنلىك بولسا يەنىلا ئاللاغا لەنەت قىلغانلىق” دەپ يېزىلغان.
ئەمدى “ئاتا-ئانىسىغا لەنەت قىلدى” دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى، بىرەر كىشى “خۇدا ئاتا ۋە ئاناڭنىڭ بىرىسىگە لەنەت قىلسۇن ياكى ھەر ئىككىسىگىمۇ تەڭ لەنەت قىلسۇن” دەپ قاغاش ۋە ياكى ئاتا-ئانىسىنى بىۋاستە مەلىئۇن دەپ تىللاش شۇنداقلا باشقا ھەر خىل دەشنەم ۋە ئاھانەتلەردىن ئىبارەت. لەنەت ئوقۇشنىڭ سەۋەپلىرى بويىچە ئېيتقاندا، لەنەت دېگەن سۆزنىڭ مەنى جەھەتتىكى تارماقلىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنى “خۇدا ساڭا لەنەت قىلسۇن” دېگىنى، ئىككىنچىسى بولسا ئونىڭغا جاۋابەن “خۇدا سەن ئۆزەڭنى لەنەت قىلسۇن” دېگىنى ياكى بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنى “خۇدا سېنىڭ ئاتاڭغا لەنەت قىلسۇن” دېگىنىگە قاراپ، ئىككىنچىسىنىڭ “ياق! ئانداق ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئاتاڭغا لەنەت قىلسۇن” دېگىنى، شۇنداقلا بىرىسىنىڭ يەنە بىرىسىنى “سەن لەنەتگەرەنىڭ (لەنەتلىك—ت) بالىسىسى” دېگىنىدە، ئىككىنچىسىنىڭ “سەن ئۆزەڭ لەنەتگەرەنىڭ بالىسى” دېگىنى ۋە باشقا شۇ خىل دەشنەم ۋە ھاقارەتلەرمۇ لەنەت سۆزىنىڭ كۆپ تارماقلىرىدىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. دېمەك، ئاتا ۋە ئانىنىڭ دەشنەم، ھاقارىتى ياكى لەنىتىگە سەۋەپ بولۇش بولسا چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. بونىڭدىن ساقلىنىش ۋە ئېھتىيات قىلىش بولسا ۋاجىپتۇر.
“خۇدانىڭ غەيرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش” دېگەن سۆز بولسا، بىرەر كىشىگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش، كەبىگە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملارنىڭ بىرىگە ۋە ياكى بۇلاردىن باشقا ئەۋلىيائى ئەززەم، ماشايىخى كىبەرەمەلەر، ياكى بۇت، پادىشا ۋە ئەمىرلەرنىڭ قەدىمى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ مەزكۇر مېھمانلار قۇربانلىق قىلغان گۆشىدىن ياكى غاز، ياكى كۆپ يېسە، ئاشقان گۆش ھالال بولىدۇ. لېكىن بۇ تايىپىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان گۆشىنى بۇلار يېمىگەن بولسا، قۇربانلىق قىلغان گۆشىنىڭ ھەممىسىلا ھارام بولىدۇ، بوغۇزلانغان نەرسە بېپاك، بوغۇزلىغۇچى گۇناھكار بولىدۇ. شۇنداقلا قۇربانلىق قىلىدىغان چاغدا خۇدادىن باشقىنىڭ ئۇلۇغلۇغى ۋە ھۆرمىتىنى نىيەت قىلغان، ياكى خۇدادىن باشقىلارنىڭ ئىبادەت ۋە تازىمىنى نىيەت قىلىپ پىچاق سۈرگەن كىشى جەزىمەن كاپىر ۋە بوغۇزلانغان نەرسە ھارام بولىدۇ. چۈنكى، كاپىر بوغۇزلىغان نەرسە ھامان ھارامدۇر. كاپىر دېگەن مۇرتەت (1) بولىدۇ. مۇرتەتنىڭ دىنى بولمايدۇ. ئونىڭ خوتۇنى جۇداغا (تالاق—ت)، مال-مۈلكى مۇسۇلمانلارغا ئولجا-غەنىمەت بولىدۇ. ئونىڭ ناماز رۇزا، ھەج تالاۋەت، زاكات ۋە باشقا بارلىق خەيىر سەدىقىلىرىنىڭ ھەممىسى راۋا كۆرۈلمەيدۇ. “ئەللەيەزۈبىللا” (ئاللا ساقلىسۇن—ت)، ياكى “بىسمىللا” (ئاللانىڭ نامى بىلەن—ت) دەپ تۇرۇپ قۇربانلىق قىلسا، لېكىن بۇ قۇربانلىق ئاللانىڭ غەيرىگە ئاتالغان بولسا، بۇمۇ ھارامدۇر. ھارام دېگەنلىك بولسا، چوڭ گۇنا قاتارىدا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئىشلاردىن ساقلىنىپ ئېھتىيات قىلىش بولسا ۋاجىپتۇر.
“ھۆدۈت ۋە پاسىلەنى ئۆزگەرتىش” دېگەن سۆز بولسا، ئۆزى بىلەن ھەمسايىلىرىنىڭ ئارىسىدا توختىتىلغان تاش، ياغاچ، يول، ئېرىق ياكى قىر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بەلگە قىلىنغان پاسىلىنى، ھەمسايىلىرىنىڭ رۇخسەت-ئىجازىتىسىز مەخپى يۆتكەپ، مەخپى ئۆز يېرىگە قوشۇپ، ئۆز يېرىنى كېڭەيتىش دېمەكتۇر. بۇنداق قىلىش بولسا ھارامدۇر. ئەگەر بۇنداق ئىشىنى ئازراقلا قىلغۇچىلارمۇ دوزاخنىڭ ئازابىغا لايىق ۋە سازاۋەر بولىدۇ. بۇمۇ چوڭ گۇنالارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. يەنە بىر ھەدىس كىتابىدا بايان قىلىنىشچە، ئەگەر بىرەر كىشى ئۆز ھەمسايىسىنىڭ ئازراق يېرىنى ئۆز يېرىگە قوشۇپ ئالغان بولسىمۇ، بۇ ئالەمنىڭ ئەللىك مىڭ يىلى بىلەن باراۋەر كېلىدىغان قىيامەتنىڭ شۇنداق ئۇزۇن بىرلا كۈنى، ئاللا ئونى ئۆز تىرنىغى بىلەن يەتتە قەۋەت زېمىننى، تاكى تەھتىلىسەرىگىچە، يەنى سوغا يەتكىچە كولىتىپ تۆشۈك قىلىپ، زېمىننى ئونىڭ بوينىغا ھالقا قىلىپ ئېسىپ ئازاپ ۋە ئوقۇبەتكە سالىدىكەن. دېمەك، مۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىش ۋە ئېھتىيات قىلىشمۇ ۋاجىپتۇر.
شەرىئەت شېرىپكە توغرا كەلمەيدىغان بىدئەت ئىشلارنى قىلىش دېگەن سۆز بولسا، ناھەق قان تۆكۈش، زىنا قىلىش، بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق قىلىش ۋە قۇمار ئويناش قاتارلىق يامان ئىشلارنى قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ، ياكى مۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا ياردەم قىلىش، ئولارغا جاي-ماكان بېرىپ، ئولارنى ئوبدان كۆرۈشمۇ شەرىئى شېرىپكە توغرا كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىل ئادەملەردىن يىراق بولۇپ، ئولارغا قارشى تۇرۇش بولسا ۋاجىپتۇر. ئەگەر ئۇنداق قىلماي، ئولارغا جاي ۋە ماكان تەييارلاپ بېرىپ، ئولارنى ھىمايىسىگە ئېلىپ ياردەم قىلسا، ئۇنداق ئادەم خۇدايىتائالا، پەرىشتىلەر ۋە بارلىق ئادەملەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. پەرز ۋە ۋاجىپ بولسا ئارتۇقچە سەدىقە خەيرىياتلارنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ئىشلار ۋە شەرئى شېرىپكە خىلاپ بولغان باشقا ھەرقانداق ئىشتىن ساقلىنىش ۋە ئېھتىيات قىلىش بولسا ئەلۋەتتە ۋاجىپتۇر. دېمەك، يۇقۇرىقى مەسىلىلەر چوڭ ھەدىس كىتابلىرىدا ئوچۇق بايان قىلىنغان.
ھەدىس كىتابلىرىدىكى بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇرۇن ئۆتكەن مۇپەسسىر ۋە مۇئەررىخلەردىن ئىشەنچلىك بىر ھۆججەت كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئەسلى ماھىيىتى نامەلۇم بولغان بىر غارنى ئەسھابۇلكەھەفنىڭ غارى شۇ بولسا كېرەك دەپ يۈرۈش ياكى ئۆلىمالار ۋە مۇپەسسىرلەرنىڭ سۆزلىرىگە گۇمان بىلەن قاراپ، ئولارنىڭ كۆرسەتكەنلىرىگە مۇخالىپلىق قىلىپ، بىرەر غارنى ئۆزىچە ئەسھابۇلكەھەفنىڭ غارىغا ئوخشىتىش ياكى شۇنىڭغا قەيت قىلىش، قۇرئانى ئايەتلىرىدە بېرىلگەن خەۋەرلەرنىڭ ئەتراپىچە تەبىر بېرىپ، شەرىئەتكە خىلاپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشمۇ، ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مەزمۇنى بويىچە، زالالەت ۋە يولدىن چىققانلىق بولىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھامان دوزاققا كىرگۈچىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ- ئاللا ئۆزىنىڭ يامان ئېتىقاتتىن ساقلىغايسەن!
رەھمەتلىك قازى غىياس رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئۆزىنىڭ «شىپائى شېرىپ» دېگەن كىتاۋىدا، خۇددى باشقا ئۆلىمالارغا ئوخشاشلا “بىرەر كىشى دىننىڭ قائىدىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىچە بىر قائىدە چىقارسا ياكى ئاللادىن چۈشكەن ئايەتلەرگە كىنايە قىلسا، ياكى قۇرئانى شېرىپتە خەۋەر بېرىلگەن ھۆكۈملەرنى يالغانغا چىقارسا، ياكى كالا موللادا يېزىلغان گەپلەرنىڭ بىرەر ھەرپىنى كەم ياكى ئارتۇق قىلىپ قويسا، ياكى قۇرئانى شېرىپنىڭ بەزىلىرىنى يالغان دېسە، بۇ قۇرئانى شېرىپنىڭ ھەممىسىلا يالغان دېگەنلىك بولىدۇ” دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. دېمەك، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بۇنداق ھۆكۈملىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇداۋەندەكەرىم ئەسھابۇلكەھەفنىڭ ئالامەت ۋە خۇسۇسىيەتلىرى بولسا، باشقا غارلاردىن ئايرىم ۋە پەرىقلىقتۇر ھەم باشقا غارلاردىن كەڭرىدۇر دەپ خەۋەر بەرگەن دەپ جەزمەن ئېيتالايىمىز. ھالبۇكى، تۇيۇقتىكى غار بولسا كىچىك بىر غار بولۇپ، ئونىڭ ئىشىگىگە قۇيمۇ سىغمايدۇ. شۇنىڭدەك ھەر ئىككى ۋاقىتتىلا ئۈستىگە كۈن نۇرى چۈشىدۇ-بەس. دېمەك، بۇ تۇيۇقتىكى كەھەف بولسا ھەق تائالانىڭ ئۇلۇغ قۇرئانىدا بايان قىلىغان كەھەف بىلەن زادىلا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر ئونى ئوخشاش دەپ قارايدىغان بولساق، ھەق تائالانىڭ ھەق سۆزلىرى يالغان بولۇپ قالغان بولار ئىدى. ئاللانىڭ ھەق سۆزلىرىگە گۇمان قىلىش بولسا ئەمىرگە خىلاپتۇر. يالغان نەرسىگە ئېتىقات قىلىش بولسا كاپىرلىق ۋە يولدىن ئاداشقانلىقتۇر-بەس! ئەگەر بۇلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى بىلگەن كىشىلەر يەنى ئاللانىڭ بىرلىگىگە، رەسۇلىللانىڭ بەردەھلىگىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ، بۇ ئەسھابۇلكەھەفنى تۇيۇقتا دەپ ئېتىقات قىلىش زادىلا توغرا ئەمەس. بۇنداق ئېتىقات قىلغۇچىلار بولسا خۇددى فىرئەۋىن (291)، نەمرۇد (292)، ھامان (293)، قارۇن (294) ۋە ئولاردىن باشقا كاپىرلارغا ئوخشاشلا دوزاققا كىرىدۇ ھەم دوزاقتا ئولار بىلەن بىللە ھەمرا بولىدۇ.
ئالەمگە مەشھۇر بولغان تەپسىرچىلەر جامائىتى ۋە ئەرەپ ياكى ئەجەمدە ئۆتكەن بۇرۇنقى تارىخچى، ساياھەتچى ئەربابلارنىڭ ھەممىسىلا قۇرئاندا بايان قىلىنغان ئەسھابۇلكەھەف بولسا رۇم تەۋەسىدىكى تەرسۇس شەھىرىنىڭ ئەفسۇس تېغىغا جايلاشقان دەپ بايان قىلىدۇ. بەزى تەپسىرچىلەر بولسا ئەسھابۇلكەھەف ياتقان غار مانجىلۇس ۋە نەجىلۇس دېگەن جايدا دەپ بايان قىلىدۇ. بۇ تەپسىرچىلەر جامائىتى ۋە مۇئەررىخلەرنىڭ ئىچىدە ھەبىيار ئەللامە ئابدۇللا ئىبنى ئابباس (295)، ئەمىرۇلمۆمىنىن مەئاۋىيە بىننى ئەبى سۇفىيان (296) ۋە ھەبىيە ئىبنى مۇنەببىيە (297) ۋە كەئبۇل ئەخبار (298)، ئىبنى ئەساكىر دەمەشىقى (299)، ئىمام ئەبى جەئىفە تەبىرى (300)، ئىمام مەسئۇت ئىبنى ئەسىر (301)، ئىمام بىننى ھەجەر ئەسقەلانی (302)، ئىمام قەستەلانی (303)، ئىمام ئەينى (304)، ئىمام زەمەخەشەرى (305)، ئىمام مۇھىسىۋنە (306)، قازى بەيزاۋى (307)، ئىبنى كەسىر (308)، ئىبنى خەتىپ (309)، خازەن باغدادى (310)، ئەبى لەيىس سەمەرقەندى (311)، ئىمام قۇزۋىنى (312)، «ئاجايىبۇل مەخلۇقات ۋە ھەيئە تۈل ھەيۋان» دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپلىرى ۋە ئىمام پەخرىددىن رازى (313)، «رەۋزە تۈسساپا» دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەت بىننى خاۋەندىشاھ ھەم «تەسەۋرۇل بۇلدان» دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى قاتارلىقلار بار. بۇلار بولسا بىز ئېتىقاد ۋە تەكىيە قىلىدىغان ئەربابلار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىلىم نۇرلىرىدىن يەنە نۇرلىرىدىن نۇرلۇق كەسپ ۋە بەرىكەت پەيدا بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، تۈرك ۋە موغۇللارنىڭ تارىخچىلىرىمۇ ئۆز كىتابلىرىدا بىرەر ئىشارەت ياكى ئىشارەت بىلەن بۇ ئەسھابۇلكەھەفنى تۇيۇقتا ئىكەنلىگىنى زادىلا بايان قىلغان ئەمەس. بەلكى ئولارمۇ بۇنى باشقا جايدا دەپ بايان قىلغان ئىدى. بىز يۇقىرىدا ئەسھابۇلكەھەفنى تۇيۇقتا دېگەن دەۋانى ئىشەنچلىك ھۆججەت بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك دەپ تەكرار سۆزلىدۇق. ھالبۇكى، بۇ دەۋانى بىرەر دەلىللىك ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلىماي تۇرۇپ، ئەسھابۇلكەھەفنىڭ ھەقىقىتىنى ئاچقان ھەقىقەتچى ئۆلىمالارنىڭ راست سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولماسمىكىن، ئۆزىنچە ئۇيدۇرۇپ تەييارلاپ چىققان خاتا سۆزلىرىنى راستلىق دەرىجىسىدە جارى قىلىمەن دېگەنلىك بولسا، گويا ئۆمۈچەك يىپىنى تۇتۇپ ئاسمانغا چىقىمەن دېگەن يامان خىيال ۋە ئەسكى سەۋدالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
تەنبىيە: ھەرقانداق كىشىنىڭ قىلغان سۆزى يەنە بىر كىشىنىڭ سۆزىگە قارشى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن كۈچلۈك ھۆججەتنى كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ھەقىقەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ھەقىقى دەۋا دېگەن ئۆزى مەۋجۇتتۇر. بىز يۇقىرىدا بىر قانچە ھۆكۈملەرنى بۇ ۋاراق سەھىپىسىگە تىزىدۇق. ئولارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي دەلىللىرى ۋە نەقىللىرى بويىچە بايان قىلدۇق. ئەگەر بىزنىڭ كۆرسەتكەن دەلىللىرىمىزگە شەك-شۈبھە قىلغۇچىلار بولسا، ئولار بىز بايان قىلغان دەلىللىرىمىزدىنمۇ توغرا ۋە كۈچلۈك ھۆججەت ۋە ئىشەنچلىك دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ، بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى رەت قىلسا، بىز ئەلۋەتتە ئولارغا تەسىلىم بولىمىز. چۈنكى، تۆمۈرنى پەقەت تۆمۈر بىلەن كەسكىلى بولىدۇ، لېكىن ئونى پاختا ياكى يۇڭ بىلەن كەسكىلى بولمايدۇ. “خۇدا بىزگە ئىمان ئاتا قىلغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ بەندە ۋە ئىندىن-جىنغا ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى، ئەدناننىڭ پەرزەنتى—خوجىمىز مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا مۇتەللىپ شەرىئىتىنى مەھكەم تۇتۇشقا يول باشلىغاندىن كېيىن، ئېزىپ ياكى شەرىئەت يولىدىن چەتنەپ كېتىشلىك ئۈچۈن خۇدادىن پانا تەلەپ قىلىمىز. خۇدانىڭ كۆرسەتكەن يولىنى چىڭ تۇتقان ۋە ئونىڭ ھۆججىتى بىلەن ماڭغان كىشىگە نىجاتلىق بولىدۇ. ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىدىن كەلگەن نەرسىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشىگە نىجاتلىق بولىدۇ.”
يەنە تۇرپان تەۋەسىدىكى ئاستانە دېگەن جايدا سۇلتان ئالىپ ئاتا دېگەن بىر ئالى مازار بار. ئۇ “ئالىپ ئاتا” دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. “ئالىپ” دېگەن سۆز “باتۇر” دېگەن سۆز بولىدۇ. تۈركىستاننىڭ مازارى ماشايىخلىرىنى “ئاتا” دېگەن سۆز بىلەن ئاتايدۇ. ئالىپ ئاتا بولسا ئىمام مۇھەممەت ھەنىفەنىڭ (314) ئون ئالتىنچى نەۋرىسى ئىدى. ئاللا ئۈچۈن كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلىپ، شاھادەتلىك دەرىجىسى ۋە مەرتىۋىسىنى تاپقان ئىدى. ئونىڭ لەقەبىلىرى قۇتلۇق قاراخان بولۇپ، ئىسمى ئابدۇلپەتتاھ بولسا كېرەك. ئاممىنىڭ خاتا تىلىدا “ئالىپ ئاتا” دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇپ قالسا كېرەك.
(1) مۇرتەت — ئىسلام دىنىدىن يانغان ئادەم ياكى بۇرۇن مۇسۇلمان بولۇپ، كېيىن ئونى ئىنكار قىلغۇچى.
① تىلال فەر سەلتەنەت ـ ئالتۇن نۇرلۇق سەلتەنەت.
② ھىمايۇن ـ مۇبارەك.
③ دىنى مەئدەلىت ـ دىنى ئادالەت.
④ رۆز ئەفزۇن ـ ئۆزۈن كۈنلۈك.
⑤ زۇبدە ئولسىلاتىن ـ تاللانغان سۇلتان.
⑥ رايەت ـ باغلاش، ئالاقە.
⑦ ئەمىن ـ تىنچلىق.
⑧ بىلاد ـ شەھەر.
⑨ ئىباد ـ قۇل، قۇللۇق.
⑩ بە رخوردار ـ لايىق، بەھرىمەن.
⑪ جىلىلسىلشەئىنى ـ ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك.
① ئەزىمۇل قەۋدۇر ـ ئۇلۇغ قۇدرەتلىك.
② ئەدىلىشەمىس شىبە ـ قۇياشقا ئوخشاش، قۇياش بىلەن تەڭ.
③ ئەلەبەدىر ـ تولۇن ئاي.
④ مۈلكى ئاراي ـ قاراشلىق يەرلەر.
⑤ نېكۇ ـ ياخشى، گۈزەل.
⑥ سەددىر سۇدۇر ـ باشلامچى، يۇقۇرى مەرتىۋىلىك.
⑦ قۇززاتى ئەنام ـ جامائەت قۇززاتى.
⑧ ئەنجام ـ ئاقىۋەت.
⑨ نۇقە بائى كىرام ـ ئۇلۇغ ھۆرمەتلىك كىشىلە ر.
⑩ زۆمرەئى ئەنام ـ جامائەت پىرقىسى.
⑪ ۋەزىئە ـ تەيىنلەش، بەلگىلەش.
⑫ خۇسراۋانە ـ شاھانە.
⑬ تەرخان ـ ئالۋاڭ ـ ياساقتىن ئازات قىلىنغان تەبىقە.
① فەراغ خاتىرلە ر ـ خاتىرجەملىك.
② مۇقەيىيەد ـ قەيت قىلىش.
③ مۇشار ئىلەيھە ـ مەزكۇر.
④ رەھگۈزار ـ ئاياق ئاستى قىلىش.
⑤ مەزاھىم ـ زىيان ـ زەخمەت.
⑥ مۇتەررىز ـ ئېتىراز، قارشىلىق، قىيىنچىلىق.
⑦ مەغپىرەت ـ ئەپۇ قىلىش، كېچىرىش.
⑧ تەقسىر ـ ئەيىپ، گۇنا.
⑨ بەل سايرۇنناس ـ پۈتۈن خالايىقنىڭ.
⑩ مەھشۈر ـ يىغىلىش، توپلىنىش، ھازىر قىلىنغۇچىلار.
يەنە خوجا شەھىد خوجام دېگەن بىر زىيارەتگاھ بولۇپ، ئونىڭ كۆمۈلۈپ قالىدۇ دېگەن گەپلەر بار.
بۇ گەپنى بايان قىلىدىغان بولساق، كۈنلەرنىڭ بىر كېچىسى غەزەپ ئىلاھى پەيدا بولۇپ، ئاسماندىن خۇددى بالادەك قۇم ياغدۇرۇپتۇ، شەھەر ئادەملىرى بىلەن قوشۇلۇپ قۇمنىڭ ئاستىدا قېلىپتۇ. ئەفراسىياپنىڭ قەۋرىسىمۇ مۇشۇ جايدا دېگەن گەپلەر بار. لوپنىڭ شەرقىي چېگرىسى لەنجۇسىنىڭ تەۋەسىدىكى سۇجۇ (315)، ساچۇ دېگەن خىتاي شەھەرلىرىگە ئۇلىنىدۇ. شىمالىي چېگرىسى بولسا قامۇل، تۇرپان، كورلا قاتارلىق جايلارغا چېگرىداش، غەربىي تەرىپى بولسا شەھيار، چەرچەن، خوتەن، لاسا، چابە دېگەن ئۇلايەتكە تۇتىشىدۇ. بويىمەن ناھايىتى كەڭرى بىر جايدۇر. ئارىلىغى تۆت - بەش ئايلىق يول مەنزىلى كېلىدۇ دېگەن گەپلەرمۇ بار. بۇ زېمىندىن خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ. بۇ دەريالار بەزىدە قوشۇلۇپ، بەزىدە پارچىلىنىپ ئېقىپ بېجىن تەرەپكە كېتىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا تەخمىنەن ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق قەدىمى ئاھالىنىڭ ياشايدىغانلىغى مەلۇم. ئۇلار زىرائەت تېرىشنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ باغ ئىمارەت، ھويلا - ئارام ۋە يەل - يېمىشلىرىمۇ يوق، بەلكى ئۇلار بۇ خىل نەرسىلەرنى ئەسلا كۆرمىگەن ياكى بىلمىگەن بولسا كېرەك. ئۇلار دەريادىن بېلىق تۇتۇپ تائام قىلىپ يەيدۇ. ھەتتا بېلىقلارنى قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپمۇ يەيدۇ. قۇمۇشتىن كەپە ۋە ئۆي ياسايدۇ. ئۇلارنىڭ چارۋىسى كۆپ بولۇپ، بىر يەردە تۇرالمايدۇ، چارۋىلىرىنى كۆڭلى خالىغان جايلارغا ھەيدەپ كېتىۋېرىدۇ. ئۇلار قانداقلا جايغا بارسا قۇمۇشتىن ئۆي ياساپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ھەر قانداق چوڭ دەريادىن چوڭ قېچە ياكى سال ياساپ بىپەرۋا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. يەتتە ياشتىن - يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەر قانداق ئەر ۋە ئايال شىناۋەرلىك، يەنى سۇ ئۈزۈش ئىلمىنى بىلىدۇ. ئەگەر چوڭ بىر ھادىسىگە ئۇچرايدىغان بولسا، يەنە شۇ ئۇسۇل بىلەن چوڭ دەريالاردىن ئۆتۈپ، چارۋىلىرىنى ھەيدەپ، بىر ئاي ياكى قىرىق كۈنلۈك يەرگە كېتىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇراقلىق جاي ۋە ماكانلىرى يوق. ھەممە زېمىنى قۇمۇشلۇق جاڭگال، دەشتى جەزىرە ۋە پايانسىز قۇم باياۋان بولۇپ، ئىچىدە چوڭ كۆللەر، بۇلاق سۇلىرى كۆپ.
ئورۇسىيە ۋە فەرەڭگىيەنىڭ ھۆكۈمىتى مۇھەندىسلىرى ساياھەت قىلىپ، بۇ جايغا تولا كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلار لوپ زېمىنىدىن بىر ئالتۇن بۇلاقنى ئىزدەپ تېپىپتۇ. بىر خىتاي مەنسەپدارى بىر پەرەڭ ۋە بىر ئورۇس قاتارلىق بىرنەچچە ھەمراھى بىلەن بىللە، بۇ بۇلاقنىڭ بويىدا بۇتخانا ۋە ئىمارەت ياساپ ئولتۇرۇپتۇ دېگەن ھېكايە ۋە گەپلەر بار.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، لوپ زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى قۇملۇق بولۇپ، قىش كۈنلىرى جىق ئوتۇن دۆگىلەپ ئوت يېقىپ، قۇمنى قىزىتىپ، خوتۇن ۋە بالىلىرى بىلەن شۇ ئىسسىق قۇمنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ياتىدۇ. بەزىدە ئۇلار چارۋا ئۇلاغلىرىنى ئىگىرىپ، شۇنىڭدىن ئىگىن، ئاياق قىلىپ كىيىدۇ. ئۇلار ئۆز خان، پادىشاھلىرىنىڭ ئەمرى ئىتائەتلىرىگە كىرمىگەن ياكى خان، پادىشاھلىرىمۇ ئۇلارنى ئۆز پەرمانىغا تەكلىپ ۋە تەرغىپ قىلىپ كۆرمىگەن ئىكەن. لوپ زېمىنى ئۇلۇغ خاننىڭ تەۋەلىكىدە بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلۇغ خان ئۇلۇغلۇق ۋە كەڭلىك قىلىپ، بۇ زامانغىچە ئۇلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلمىغان چاغلىرىمۇ بولغان ئىكەن. دېمەك، ئۇلار قەدىمقى زامان ۋە ئاتا - بوۋا ئەجداتلىرىدىن تارتىپ، يەنە شۇ يول بىلەن ياشاپ كەلگەن.
ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالام ئەۋلاتلىرىدىن ياۋايى ياشاپ كەلگەن بىر تايىپىدۇر. ئۇلارنى مۇسۇلمان دېسە مەسچىدى يوق، كاپىر دېسە بۇتخانىسى يوق. ئۇلار بەلكى دەۋەت يەتمىگەن ئادەملەر بولسا كېرەك. بىراق، بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزگە خۇشنا ۋە يېقىن جايدا ياشايدىغان ئادەملىرى بولسا بىزنىڭ تىل - زۇۋانىمىزنى بىلىدۇ. يىراق ۋە چەت ياقىدىكى ئادەملىرى بولسا بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلمەيدۇ، بەلكى ئۆز ئىچىدە ئۆز تىلى بىلەن سۆزلىشىدۇ. ئۇلار ئۆز يۇرتىدىن ناھايىتى كەم چىقىدۇ، بەزىلىرى پەقەت چىقمايدۇ ۋە بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزگە كەلمەيدۇ. بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزدىكى ئادەملەر بارسا، ئۇلار قورقۇپ يېقىن كەلمەيدۇ. دېمەك، باشقا ئادەملەر بىلەن ئارىلاشمايدۇ، بېرىش - كېلىش قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار باشقا شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە ئارىلاشساق چېچەك چىقىپ قالىدۇ، دەپ ئېھتىيات قىلىدىكەن. ئۇلار بۇغداي تاماقلىرىنى يېمىگەنلىكى ئۈچۈن چېچەك چىقمايدۇ دېگەن گەپلەر بار.
جانابى ئاتالىق غازىنىڭ زامانىدا، لوپنىڭ كورلىغا يېقىن جايدا ياشايدىغان ئادەملىرىنى ئۆزىگە تەۋە قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەش - ئالتە نەپەر كاتتىسىنى ئاقسۇغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئاتمىش ياكى يەتمىش ياشلاردىكى مۇيسىپىت قېرى ئادەملەر ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرنەچچىسىگە چېچەك چىقىپ، بىرنەچچە كۈن يېتىپ ساقايغاندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كەتتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەر چوڭ ياكى كىچىك ئادەمگە چېچەك چىقىدىغان بولسا، ئۇلار ئۇنىڭ بېشىغا بېلىق گۆشى ۋە بىر قانچە سۇ تاشلاپ قويۇپ، ئۆزلىرى يىراق جايلارغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ھەر يىلى ئون كۈندە بىر قېتىم كېلىپ، ئۇنىڭ تىنچلىغىنى سوراپ كېتىدۇ. لېكىن چېچەك يوقۇپ قالىدۇ دەپ ئۇنىڭغا زادىلا يېقىنلاشمايدۇ.
يېقىنقى ئون يىلدىن بۇرۇن چىڭ دۆسىڭ (316) ئەتراپىدىكى بىر مۇنچە تۇڭگانى ئۇلۇغ خاننىڭ ئەمرى ئىتائىتىدىن چىقىپ غوغا قوزغىغان چاغدا، ئۇلۇغ خان نۇرغۇن چىرىك ماڭدۇرۇپ ئۇرۇشقان. تۇڭگانىلار باراۋەرلىك قىلالماي، ئىچىدىن سەكسەن مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق تۇڭگانىلار قاچقانچە لوپ تەرەپكە قاراپ يولغا چىققان. ئارىلىقتا بۇ تەرەپتىكى بىر تايىپە قالماقلار جۇدۇن يادا (يادا تاش ئارقىلىق جۇدۇن تەلەپ قىلىش — ت) قىلىپ ئاسماندىن قار، يامغۇر ۋە مۇز ياغدۇرغانلىقتىن، تۇڭگانىلار نابۇت بولۇپ، قىرىق مىڭغا يېقىن تۇڭگان لوپ تەۋەسىگە يېتىپ كېلىپ، بۇ يەتتە شەھەرگە يۈزلىنەگەندە، ئۈرۈمچى ۋە كورلىدىن نۇرغۇن چىرىك چىقىپ، ئالدىنى توساپ ئۇرۇشقان. ئارىدا بىر مۇنچە قان تۆكۈشلەر بولغاندىن كېيىن، يەنە سۈلھى توختام قىلىپ يارىشىپ، ئۇلارنى لوپتا توختىتىپ، تېرىلغۇ قىلىپ، بۇ جاينى ئاۋات قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلۇغ خان بۇنى سەۋەپ قىلىپ، لوپنىڭ ئادەملىرىنى يوقلاپ ئۆزىگە تەۋە قىلىش ۋە شەھەر بىنا قىلدۇرۇپ، چىرىك بىلەن مەنسەپدار قويۇپ، بۇ زېمىننى ئاۋات قىلىش مۇددىئاسىدا بولۇپتۇ. لېكىن، لوپ زېمىنىغا غەزەپ قۇملىرى ياغقانلىغى ئۈچۈن، زىرائەتتىن ياخشى ھوسۇل چىقمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ھازىر ھەر قايسى شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئاش - ئوزۇق، مال، ماتا ۋە باشقا ھەر خىل ئىگىن ئاياقلىقلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، سېتىپ قايتىدىغان بولدى. بەزى لوپ ئادەملىرىمۇ چىت، چەكمە شال، خەسە، بۆز، خام، چەكمەن، سەگەز قاتارلىق نەرسىلەردىن ئىگىن، ئاياق قىلىپ كىيىدىغان بولدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خوتۇن، بالا ۋە چارپايلىرىنى ھەيدەپ، چوڭ بىر دەريادىن ئۆتۈپ، جاڭگال جەزىرىلەرگە كىرىپ كەتتى ۋە ئۇلۇغ خانغا تەۋە بولمىدى دېگەن گەپلەر بار.
لېكىن، بىر ئەسىر ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق زاماندىن بۇيان، بۇ شەھەرلەردىكى ئىشان ھەزرەت، موللا ۋە ساھىپ ئادەملەر بۇ جايلارغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىمانى ئىسلام ۋە بىنايى مۇسۇلمانچىلىققا تەرغىپ قىلىپ، ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئۆگىتىپ تەلىم بەردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانچىلىق دائىرىسىگە كىرىپ، قۇمۇشتىن مەسچىت، خانىقالارنى بىنا قىلىپ، ناماز ئوقۇيدىغان بولدى دېگەن گەپلەر بار. ئاللاھ بۇ تايىپىلەرگە توغرا ئىنساپ يولىغا باشلاپ، ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىنى تۈزەپ، دۇرۇس ئەقىدە ت ئاتا قىلغايسەن — ئامىن يارەببەل ئالەمىن!
ئەزىز يارەن ئىقتىدار ئىگىلىرى ۋە ئەتۋارلىق، لەززەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ كۆز خاتىر نۇرلىرىدىن مەخپى ۋە يوشۇرۇن قالمىغايكى، قىممەت باھالىق ئۆمۈر قەدرى - قىممىتىنى بىلمەي ۋە ئۇنى غەنىمەت كۆرمەي، بىھۇدە غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ يېشىم يەتمىشتىن ئاشتى. ئەمدى فانىلىق دەرىجىسىگە يېقىنلاشتىم. بۇ كەمىنە نادان، بىلىمسىزدىن دۇنيا ۋە خالايىق ئاغزىدا بىر ياخشى نام - نەمۇنە ۋە يادىگار قالمىغانلىغىدىن ئاھ نادامەتلەر چېكىپ، ئو ئەيىپلىرىنى ياپقۇچى ۋە كەچۈرگۈچى قۇدرەتلىك ۋە كامالەتلىك ئاللاھنىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىن ئەپۇ ۋە كەچۈرۈم ئۈمىت قىلىپ، سۆزلىرىمنى يۇقۇرىدا يازغاندەك ئادا قىلىپ، پىكرى خىيال بىلەن تۇرغىنىمدا، بۇ غەملىك كۆڭلۈمگە مۇنداق بىر رۇبائى چۈشتى:
رۇبائى:
ھەيىق (1) غەپلەت بىرلى ئۆتتۈم مەغپىرەت (2)
قىل ياسەبۇر (3) ،
نىكمەرد(4) ئارىسىدىن قوغلىماغىل يەۋمەئـ
ـنۈشۇر (5) .
ياخشىلىق ئۈمىت تۇتۇپ تارىخ پۈتۈپ مەن
يادىگار،
مەغفۇر ئولدەپ مۇژدە (6) بەرگىيمۇ شايەد(7)
غەفۇر (8) .
مەزكۇر كىتاپ پەيغەمبەرگە مەنسۇپ بولغان تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئالتىنچى يىلى ماھى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنى (مىلادى 1908 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى — ت) تامام قىلىندى. مېنىڭ ئاللاھقا بولغان مىننەتدارلىغىم شۇكى، ھەر قانداق سۆزنىڭ بېشى ۋە ئاخىرى ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرى بىلەن باشلىنىپ تاماملانسا، ئۇ ئاللاھنىڭ نۇرلۇق ۋە ئەلا دەرگاھى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ۋە ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ماقۇللۇغىغا ئېرىشىپ، خالايىقنىڭ دۇئا ۋە پاتىھەسىگە سەۋەپ بولغۇسىدۇر. لېكىن قەلەم ئۆزىنىڭ گۈزەل يۈرۈشى بىلەن، شۇندەك ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ پاراكەندە ۋە پەرىشان داستان ھەم سۆز - قىسسىلەرنى توقۇلدى. سۆزنىڭ ئىنچىكە ۋە نازۇك تەرەپلىرىدىن ۋاقىپ بولغان ۋە كونا ھەم يېڭى داستانلاردىن خەۋەردار بولغان دانا رىسالىچىلاردىن ئۈمىت شۇكى، ئۇلار بۇ قىسسە ۋە داستاننىڭ كەم ۋە نۇقسان تەرەپلىرىنى يېپىپ ئىسلاھ قىلسا ھەجەپ تۇيۇلمايدۇ. رۇبائى:
جەمئى يېتىپ تارىخچەنى يەتمىشتىن
ئاشقان چاغىدا مەن،
ئەقلى ئىدرەك، تەن زەئىپ، سۈرفە
سۇئال (1) بولغاندا مەن.
بۇ پاراكەندە سۆزۈمدە كۆرسەڭىز
نۇقسانىنى،
رەھمى ئېتىپ ئىسلاھ بېرىڭ
چۈنكى مەن بۇ ھالدا مەن.
مەن بىلىمسىز، نادان، كەمبەغەل، ئىلمىمدە دەسمىيىسى يوق ۋە پايدىسىز ئادەم بولساممۇ، لېكىن بۇ كىتاپنى يېزىشقا قۇۋۋەت ۋە ماغدۇرۇمنىڭ يېتىشىچە تىرىشتىم. غەپلەت، سۇسلۇق قىلىپ، ھەر بىر ئوششاق مەسىلىنىڭ دېرەك ۋە ئىسپاتلىرىنى كەم قىلىپ قويۇشنى ئۆزۈمگە راۋا كۆرمىدىم. مېنىڭ ئۇ ئېھسان ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس ئاللاھ دەرگاھىغا بولغان تەلەپ ۋە مۇددىئالىرىم شۇكى، ئۇ دىل ئىگىلىرى ۋە ئۇلۇغلارنىڭ زاتلىرىنى تۈرلۈكە ئايرىشقا قادىر نەزەرلىرىنى قوبۇللۇق دەرىجىسىنىڭ شەرىپىگە ئىلگە قىلغايسەن — ئامىن. ئاللاھ بۇ ئاجىز قەبرى بىچارە بەندەڭنىڭ قارا دىلىنى، ئۆزۈڭنىڭ كامالى قۇدرىتىڭ ئارقىلىق ئىمان نۇرى ۋە مەرىپەت چىرىغى بىلەن رۇشەن ۋە نۇرلۇق قىلغايسەن. بۇ بەندە گۇناكارنىڭ، ھايات بىلەن خۇشلىشىپ ئاخىرەتكە كۆچۈش ۋاقتىدا يەنە ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن غايەتسىز ئىلتىپات ۋە ناھايەتسىز مەرھەمەتلىرىڭدىن ئۈمىتسىز ۋە مەھرۇم قويىمىغايسەن — ئامىن! ئەلەھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىن! ئالەم مۈلكىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن تارىخ ھىجرى 1329 - يىلى ماھى رەجەپنىڭ 10 - كۈنى (مىلادى 1911 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى — ت) تامامەن تۈگىدى.
(1) ھەيىق — ئەيىت.
(2) مەغپىرەت — كەچۈرۈم.
(3) سەبۇر — سەۋرچان ئاللاھ.
(4) نىكمەرد — ياخشىلار.
(5) يەۋمەنۈشۇر — قىيامەت كۈنى.
(6) مۇژدە — خۇش خەۋەر.
(7) شايەد — بەلكى.
(8) غەفۇر — كەچۈرگۈچى ئاللاھ.
(1) سۈرفە سۇئال — يۆتەل، دەم سىقىش.
ئىزاھاتلار:
1 مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام — ئىسلام پەيغەمبىرى. مىلادى 571 - يىلى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ مەككە شەھىرىدە ياشايدىغان قۇرەيىش قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولغان ئابدۇللانىنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مىلادى 586 - يىلىدىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا باشلىدى. مىلادى 630 - يىلى 1 - ئايدا ئەرەپ ئىسلام خەلىپىلىكىنى تىكلەپ، مىلادى 632 - يىلى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مەدىنە شەھىرىدە ۋاپات بولغان ھەم شۇ جايدا دەپنە قىلىنغان.
2 ئىبراھىم خېلىلۇللا — «قۇرئان»دىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىبراھىم خېلىلۇللا ئەرەپ قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجداتلىرىدىن بىرى بولۇپ، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى ئىكەن. رىۋايەتتە ئۇنىڭ كەئبە ئىبادەتخانىسىنى بىنا قىلغانلىغى ۋە 175 ياشتا ۋاپات بولغانلىغى، شۇنداقلا ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، ئۆز ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئىسھاقلار تەرىپىدىن ھېبرەۋىن دېگەن يەردە دەپنە قىلىنغانلىغى بايان قىلىنىدۇ.
3 مەقامى مەھمۇد — ئىسلام دىنى ئېتىقادى بويىچە ئاللاھ تەرىپىدىن ماختالغان ئەڭ يۈكسەك دەرىجىنىڭ بىرى، “مەھمۇت” سۆزى ئەرەپچە “ماختالغان” ، “ياخشى” دېگەن مەنىدە.
4 ئەششەرەئى مۇبەششەرەئە — مىلادى 622 - يىلى 9 - ئايدا مۇھەممەت پەيغەمبەر مەككە شەھىرىدىن مەدىنە شەھىرىگە ھىجرەت قىلغاندا (كۆچكەندە) ، ئىسلام ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلغان ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن چوقۇم جەننەتكە كىرىدىغانلىغى ھەققىدە بىشارەت بېرىلگەن ئەبۇ بەكىر سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، تەلھە ئىبنى ئابدۇللا، زەبەير ئىبنى ئەۋام، ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف، سەئىد ئىبنى ۋەققاس، سەئىد ئىبنى زەيىد، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ قاتارلىق ئون نەپەر ساھابە.
5 بەدرە ئەھلى — مىلادى 624 - يىلى 3 - ئايدا مۇھەممەت پەيغەمبەر 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ، سۈرىيەدىن مەككىگە قايتقان قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ باشلىغى ئەبۇ سۇفياننىڭ كارۋانلىرىنى توسۇپ ھۇجۇم قىلغان چاغدا، مەدىنە شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەدرە (ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارايدۇ) قەلئەسىدە ياردەمگە كەلگەن مىڭغا يېقىن قۇرەيىش ياردەمچى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ 140 دىن ئارتۇق لەشكەرىنى يوق قىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ ئۇرۇشتا ئۆز تەرىپىدىنمۇ بىر مۇنچە ئادەم قۇربان بولۇپ، شاھادەتلىك دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ. بۇلار بولسا بەدرە ئەھلى دەپ ئاتىلىدۇ.
6 ئۇھۇد ئەھلى — مىلادى 625 - يىلى 3 - ئايدا، مۇھەممەت پەيغەمبەر باشچىلىغىدىكى مىڭدىن ئارتۇق قوشۇن بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ باشلىغى ئەبۇ سۇفيان باشچىلىغىدىكى 3 مىڭ قوشۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇھۇد (مەدىنە شەھىرىنىڭ يېنىدا) دېگەن تاغدا بولغان جەڭدە قۇربان بولغان كىشىلەر.
7 ئەقەبە ئەھلى — مىلادى 621 - يىلى يەزرىپ دېگەن جايدىن كېلىپ ئەقەبە دېگەن جايدا مۇھەممەت پەيغەمبەر بىلەن تۇنجى قېتىم سۈلھى تۈزۈپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خەزرەج قەبىلىسىنىڭ 10 نەپەر كىشىسى ۋە ئەۋس قەبىلىسىنىڭ ئىككى كىشىسى. شۇنداقلا 622 - يىلى يەنە شۇ يەزرىپدىن كېلىپ ئەقەبەدە مۇھەممەت پەيغەمبەر بىلەن ئىككىنچى قېتىم سۈلھى تۈزۈپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان 72 نەپەر كىشى.
8 سۇففە ئەھلى — مىلادى 657 - يىلى 3 - خەلىپە ئوسمان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كۈيئوغلى ئەلى خەلىپە بولۇپ سايلىـ نىدۇ. بۇ چاغدا سۈرىيە باش ۋالىسى مائاۋىيە ئوسماننىڭ ئۆلۈمىنى ئەلەمدىن كۆرۈپ، ھازىرقى ئەفرات دەرياسىنىڭ ياقىسىدىكى سىففە ئۆزلۈگىلىگىدە ئەلىگە قارشى چوڭ جەڭ قوزغايدۇ. بۇ جەڭ 110 كۈن داۋاملىشىپ، ئەلى تەرەپتىن بىر مۇنچە ئادەملەر ھالاك بولىدۇ. بۇلار سىففە ئەھلى دەپ ئاتىلىدۇ.
9. موغۇلىستان—مىلادى 1348-يىلى چاغاتاي ئەۋلادى تۇغلۇق تېمۇرخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ھازىرقى قورغاس ناھىيەسىنىڭ دائىرىسىدىكى ئالمالىق شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ، شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن باشلاپ كاتتا دېڭىز (بالقاش كۆلى) غىچە، غەربتە فەرغانە ئويمانلىغى، جەنۇبتا قارا قۇرۇم تاغلىرى، شەرقتە قۇمۇلنىڭ شەرققىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت. 1514-يىلى ئونىڭ ئورنىغا يەرەكەن خانلىغى قۇرۇلغان.
10. فەغفۇرچىنى—بۇ ئەسلىدە “فاكپۇر” (Fakpur) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ سۆز ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان قەدىمقى ساك تىلىدا “پادىشا”، “باشلىق” دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. مىلادى 10-ئەسىردە نامەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان «ھۆدۈتۈل ئالەم» دېگەن كىتابنىڭ 8-بابىدا “چىنلىقلار (جۇڭگولۇقلار—ت) ئۆز پادىشاسىنى فەغفۇرچىنى دەيدۇ” دەپ يېزىلغان. «تارىخ ھەمىدى»دە بولسا بۇ سۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ھەرقايسى مىللەت سۇلالىلىرىغا قارىتىلغان.
11. ئوسمانىيە—ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېران، ئەرەپ رايونلىرى ۋە ئاخىرىدا كىچىك ئاسىياغا كۆچكەن تۈرك دەپ ئاتالغان قەۋمنىڭ باشلىغى غازى سۇلتان ئوسمانخان تەرىپىدىن ھىجرى 699-يىلى (مىلادى 1299—1300-يىلى) قۇرۇلغان چوڭ سۇلالە بولۇپ، بۇ سۇلالە مىلادى 1924-يىلى مۇستاپا كامال تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
12. ئابدۇلئەزىزخان بىننى ئابدۇلمەجىد خان—بۇ جايدا مىلادى 1860-يىلى قېرىندىشى ئابدۇلمەجىدخان بىننى ماھمۇدخان سانی (ئىككىنچى)نىڭ ئورنىغا دەسسەپ، مىلادى 1876-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئابدۇلئەزىزخان بىننى ماھمۇد خان سانی كۆزدە تۇتۇلسا كېرەك.
13. بۇ جايدا ئوسمانىيە سۇلالىسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇل شەھىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
14. مىراخور باشى—ئەسلىدە خان، پادىشا ۋە ئەۋلىيايى ئەززەمەلەرنىڭ ئات باققۇچىلىرى باشلىغى دېگەن مەنىدە بولۇپ، كېيىنچە يەنە خان ۋە پادىشالارنىڭ باج-سېلىق، كىرىم-چىقىم ئىشلىرىغا نازارەت قىلغۇچى باش ئەمەلدارلارمۇ “مىراخورباشى” دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.
15. سۇلتان مۇھەممەت مۇرات خان—يەنى سۇلتان مۇھەممەت مۇرات خان خامىس بىننى ئابدۇلمەجىد خان. مىلادى 1876-يىلى ئابدۇلئەزىز خان بىننى ماھمۇد خان سانىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، ئاز ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
16. ئەرەپ—ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانى، سۈرىيە، ئىراق، مىسىر ۋە ئافرىقىدىكى “ئەرەپ مەغرىبى” قاتارلىق جايلارنىڭ ئومۇمى جۇغراپىيىلىك نامى ۋە بۇ جايلاردا ياشايدىغان ئەرەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمى ئېتنىك نامى.
17. ئەجەم—ئەسلىدە ئاسىيادا ياشايدىغان غەيرى ئەرەپ مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمى ئېتنىك نامى ۋە جۇغراپىيىلىك نامى بولۇپ، كېيىنچە بۇ نام پەقەت ئېران زېمىنى ۋە ئېراندا ياشايدىغان پارس مىللىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ھەم ئېتنىك نامى بولۇپ قالدى.
18. ئابدۇلمەھمىد خان—يەنى ئابدۇلمەھمىد خان سانی بىننى ئابدۇلمەجىد خان. مىلادى 1876-يىلى قېرىندىشى سۇلتان مۇھەممەت مۇرات خان خامىس بىننى ئابدۇلمەجىد خاننىڭ ئورنىغا دەسسەپ، مىلادى 1909-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
19. مىرزا ھەيدەر—يەنى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر بىننى مىرزا مۇھەممەت ھۆسەيىن دوغلاتى. مىلادى 1500-يىلى قەشقىردە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىنى يەرەكەن خانلىغىدا ئىلىم ئۆگىنىش، سىپاھلىق ۋە ئەمەلدارلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن. مىلادى 1541—1551-يىللىرى كەشمىردە تۇرغان مەزگىلىدە مەشھۇر «تارىخى رەشىدى» ناملىق ئەسەر يېزىپ، سۇلتان ئابدۇرەشىت خانغا تەقدىم قىلغان. بۇ ئەسەردە ئاساسەن قەدىمقى تۈركى قەۋىملەرنىڭ تارىخى، بولۇپمۇ مىلادى 14-ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن باشلاپ، ئاپتورنىڭ ئۆزى ياشىغان دەۋرگىچە بولغان ۋەقەلەر تەپسىلى بايان قىلىنىدۇ.
20. ھەزرىتى ئادەم سەفىيۇللا—يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام. “قۇرئان” ۋە باشقا كىتاپلاردىكى رىۋايەتلەردە، بۇ دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تۈنجى ئاتىسى دەپ بايان قىلىنىدۇ. بەزى رىۋايەتلەردە، ئۇ مىلادىدىن 5584 يىل ۋە مۇھەممەت پەيغەمبەردىن 6216 يىل بۇرۇن ياشىغان دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ.
21. قەيسەر—بۇ جايدا قەدىمقى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاسى يۇلىيوس قەيسەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 101-يىلى دۇنياغا كەلگەن. كېيىنچە ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىنىڭ بىر مۇنچە جايلىرىنى بېسىۋېلىپ چوڭ جاھانگىرغا ئايلانغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 35-يىلى ۋاپات بولغان. كېيىنچە ئەرەپ تارىخچىلىرى بارلىق رىم ئىمپېراتۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا “قەيسەر” دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتىغان.
22. كىسرا—قەدىمقى ئېران ساسانىلار سۇلالىسى (مىلادى 224—651-يىلى) نىڭ 20-پادىشاسى خوسرو نۇشىرۋان ئاۋۋال (بىرىنچى) بولۇپ، مىلادى 531-يىلى تەختكە چىقىپ 579-يىلى ۋاپات بولغان. “كىسرا” دېگەن سۆز ئەرمەپلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن نام.
23. پىرئەۋىن—مىلادىدىن بۇرۇنقى 3400-يىلىدىن باشلاپ مىسىردا ھۆكۈم سۈرگەن يىگىرمە ئالتە سۇلالە پادىشالىرىنىڭ ئومۇمى نامى. ئاپتور بۇ جايدا پىرئەۋىنلەر سۇلالىسىنىڭ 4-ۋە 12-سۇلالەلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ئالدىنقىسى مىسىردا ئەلئەھراملارنى بىنا قىلىشقا، كېيىنكىسى بولسا مىسىردا نۇرغۇن ھەشمەتلىك شەھەر ۋە سارايلارنى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشقان.
24. نەمرۇد—بۇ قەدىمقى بابىل دۆلىتىنىڭ (ھازىرقى ئىراق تەۋەسىدە) بىر قانچە سۇلالە ھۆكۈم سۈرگەن پادىشالارنىڭ ئومۇمى نامى. ئاپتور بۇ جايدا «تەۋرات»تا بايان قىلىنغان ۋە ئىبراھىم خەلىلۇللا بىلەن جەڭ ماجىرالارنى قىلىپ، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرگەن نەمرۇدنى كۆزدە تۇتسا كېرەك. بەزى رىۋايەتلەردە نەمرۇد ھامنىڭ ئوغلى، ۋە نۇھنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، مىلادىدىن 2640 يىل بۇرۇن ئۆتكەنلىگى سۆزلىنىدۇ.
25. سۇلتان ئابدۇرەشىت خان—مىلادى 1514-يىلى قۇرۇلغان يەرەكەن خانلىغىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى بولۇپ، ياش ۋاقتىنى ئىلىم، مۇزىكا ئۆگىنىش، سىپاھلىق، ھەربى ئەمەلدارلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن. بىر مەزگىل يەرەكەن خانلىغىغا قاراشلىق يەتتە سۇ رايونىنىڭ (ھازىرقى بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى) باش ۋالىسى بولغان. مىلادى 1533-يىلى تەختكە چىقىپ، مىلادى 1570-يىلى يەرەكەندە ۋاپات بولۇپ، “ئالتۇنلۇق” قەبرىستانلىغىغا دەپنە قىلىنغان.
26. سۇلتان سەئىد خان—يەرەكەن خانلىغىنىڭ تۈنجى سۇلتانى، چاغاتاي ئەۋلادى. تۇغلۇق تېمۇر خاننىڭ 7-ئەۋلادى، سۇلتان ئابدۇرەشىت خاننىڭ دادىسى. مىلادى 1514-يىلى يەرەكەن خانلىغىنى قۇرۇپ، مىلادى 1533-يىلى شىزاڭدىكى ئالى رايونىغا قىلغان ھەربى يۈرۈشىدە ئىس تېگىش كېسىلىگە دۇچار بولۇپ يەرەكەندە ۋاپات بولغان ۋە “ئالتۇنلۇق” قەبرىستانلىغىغا دەپنە قىلىنغان.
27. يەتتە شەھەر—بەزى ئەسەرلەردە ھازىرقى تىيانشان تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، يەرەكەن، خوتەن، ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ، كۇچار، كورلا قاتارلىق شەھەرلەر كۆزدە تۇتۇلسا، بەزى ئەسەرلەردە قەشقەر، يېڭىسار، يەرەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچار، كورلا قاتارلىق شەھەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «تارىخى ھەمىدى»دە بولسا قەشقەر، يەرەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، كۇچار، تۇرپان قاتارلىق يەتتە شەھەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھازىر بۇ تەۋەلەر ئالتە شەھەر دەپ ئاتىلىدۇ.
28. نۇھ بىننى ئادەم سانی—«تەۋرات»، «قۇرئان» قاتارلىق ئەسەرلەردە، يەر يۈزىدىكى “تۈنجى ئىنسان” ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادىدىن 2911 يىل بۇرۇن دۇنياغا كېلىپ، 950 يىل ئۆمۈر كۆرگەن دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
29. “موغۇللىيە”—9-ئىزاھاتقا قارالسۇن.
30. خاقانى چىنى—بۇ “جۇڭگو خاقانى” “جۇڭگو سۇلالىسى” دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، مەملىكىتىمىز جۇڭگودا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدا مەيدانغا كەلگەن خەنزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان سۇلالىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «تارىخى ھەمىدى»دە بولسا ئاساسەن مانجۇلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان چىڭ سۇلالىسى (مىلادى 1644—1911-يىلى) كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
31. «رەۋزە تۈسساپا»، بۇ ئەسەر خوراسان دۆلىتىدە (مىلادى 1451—1507-يىلى) ياشىغان ئېران تارىخچىسى مۇھەممەت ئىبنى خاۋەندىشاھ ئىبنى مەھمۇت مىرخوند (مىلادى 1498-يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن ئەلىشىر ناۋائىينىڭ (مىلادى 1441—1501-يىلى) تەشەببۇسى بىلەن ھېراتتىكى “ئىخلاسىيە” مەدىرىسىدە يېزىلغان 6 توملۇق ئەسەر. بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نامى بولسا «رەۋزەتۈسسافائى فى سىرە—تۈلئەنبىيا ۋە مۇلكى ۋە ئەلخەلافە».
32. «مۇنتەخەبۈت تاۋارىخ»—بۇ ئەسەر يەنە «تارىخى خۇقەندى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەسەر ھىجرى 1259-يىلى (مىلادى 1842—1843-يىلى) قوقانلىق شەيخۇلئىسلام ھاجى مۇھەممەت ھېكىم ۋەلىد سەيىد مەسۇم خان (خوجا مۇھەممەت ھېكىم خان تۆرە بىننى مەسۇمخان) تەرىپىدىن يېزىلغان بىر قەدەر مۇكەممەل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ تارىخىغا دائىرە ئەسەر.
33. جۇد تېغى—ھازىرقى ئىراق تەۋەسىدىكى دىجىلە دەرياسىنىڭ شەرقى يەنى-ئىبنى ئۆمەر چۆللۈگىگە جايلاشقان بىر تاغنىڭ نامى. “قۇرئان”دا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تاغقا چىققانلىغى سۆزلەنىسە، «تەۋرات»دا، ئونىڭ ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگىرىسىدىكى ئارارات (ئاغرى) تېغىغا چىققانلىغى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
34. بابىل—قەدىمقى بابىل دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولۇپ، ئونىڭ خارابىسى ھازىرقى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدات شەھىرىدىن 93 كىلومېتىر يىراق. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ شەھەرنى مىلادىدىن 2640-يىل بۇرۇن ياشىغان نەمرۇد بىنا قىلغان ئىكەن.
35. يەمەن—ھازىرقى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىسمى بولۇپ، رىۋايەتلەردە قەدىمقى ئەرەپ قەبىلىلىرى دەل مۇشۇ زېمىندا پەيدا بولۇپ كۆپەيگەن ئىكەن. دۇنيادا ئۆزىنىڭ زالىملىغى، پىخسىقلىغى بىلەن داڭ چىقارغان شاھ شەدداد (شەددادىبىننى ئەمەلىق بىننى ھام بىننى نۇھ) ئەنە شۇ يەمەننىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھۆكۈمرانلىرىدىن بىرى.
36. ھەزەرەمت—ھازىرقى يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمقى بىر جاينىڭ نامى.
37. ئوممان—ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى جايلارنىڭ ئومۇمى نامى.
38. ئىراقىيىن—ھازىرقى ئىراق ئەتراپى.
39. فارس—ئېران رايونى ۋە ئېراندا ياشايدىغان فارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ۋە ئېتنىك نامى.
40. يەجۈج ۋە مەجۈج—«قۇرئان» رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشايدىغان ۋە ئىنسانىيەتكە بالايى-ئاپەت تۇغدۇرىدىغان ئەڭ قەدىمقى ئىككى بەدەۋى قەبىلە. قەدىمقى يەھۇدى ۋە خرىستىيان رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 356—323-يىلى) ئولارنىڭ ئەتراپىغا بىر سېپىل سوقتۇرۇپ، ئولارنى مەڭگۈ قورشاپ قويغان ئىكەن. ئولار بۇ سېپىلدىن چىققان كۈنى قىيامەت قايىم بولىدۇ، دېگەن گەپلەر بار.
41. كىيومرىس—ئېراندىكى زەردەشت دىنى ئەقىدىدارلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى “ئاۋىستا” ۋە مىرزا ئەبۇلقاسىم فېردەۋىسىنىڭ «شاھنامە» دېگەن كىتاۋىغا ئاساسلانغاندا، كىيومرىس ئېراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى پىشدادىيان سۇلالىسىنىڭ تۈنجى پادىشاسى بولۇپ، ئۇ مىلادىدىن 5500 يىل بۇرۇن ياشىغان ئىكەن. زەردەشت دىنى ئەقىدىدارلىرى كىيومرىسنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئونى “ئىنسانىيەتنىڭ تۈنجى ئەجدادى” دەپ قارايدۇ. “كىيومرىس” سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ “بۈيۈك ئادەم” دېگەنلىك بولىدۇ.
42. تۈرك—ئىسلام دىنى رىۋايەتلىرىدە ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى يافەسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، تارىخى ماتېرىياللاردا بولسا ئولار ئەسلىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالى، موڭغۇل يايلاقلىرى، سىبىرىيەنىڭ جەنۇبى، ھازىرقى شىنجاڭ. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردا ياشايدىغان ئالتاي تىلى سىستېمىسىنىڭ تۈركى تىللار ئائىلىسىدىكى بىر مۇنچە قەبىلە ۋە ئولۇسلارنىڭ ئورتاق نامى. مىلادىدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى، دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرىدە “دى” (狄)، “بېي دى” (北狄)، كېيىنچە يەنە “دىڭ لىڭ” (丁零)، “تىيې لې” (铁勒)، “تۇكيې” (突厥) دەپ تىلغا ئېلىنغان. بۇ ناملارنىڭ ھەممىسى “تۈرك” سۆزىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى.
43. فەرىدۇن—بۇ ئېراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى پىشدادىيان سۇلالىسىنىڭ 6-پادىشاسى، كىيومرىسنىڭ ئەۋلادى. ئۇ ئەينى زاماندا ئەرەپ ۋە تۇران (ئوتتۇرا ئاسىيا) رايونلىرىنى ئۆزىگە قاراتقان ئىكەن.
44. تۇر—شاھ فەرىدۇننىڭ ئوغلى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، فەرىدۇن ئۆزىگە قاراشلىق زېمىنلارنى تۇر، سىلىم ۋە ئىرەج قاتارلىق ئۈچ ئوغلىغا تەقسىم قىلغاندا، تۇران رايونى تۇرغا تەگكەن ئىكەن ۋە “تۇران” دېگەن ناممۇ تۇرنىڭ دەۋرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ “تۈرك” دېگەن سۆز بىلەن “تۇر” دېگەن سۆزنىڭ قوشۇلمىسىدىن پەيدا بولغان ئىكەن.
45. تاناسىخىيە ۋە ھۇلۇلىيە—مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كۈيئوغلى ئەلىنى ئاخىرقى پەيغەمبەر دەپ تۇنۇيدىغان راپىزىيە سۈلۈكىگە تەئەللۇق بولغان دىنى ئىدىيەۋى ئېقىم بولۇپ، ئۆلگەن ئادەمنىڭ روھى يەنە يۆتكىلۈپ تىرىلىپ قايتىدۇ دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
46. شىئە—ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ چوڭ تەرىقەتلەردىن تەشكىللەنكەن بىر مەزھەپ بولۇپ، بۇ ئەرەبچە “ئەگەشكۈچىلەر” دېگەن مەنىدە. بۇ مەزھەپ مىلادى 656-يىلى ئەرەپ خەلىپىلىگىنىڭ 3-خەلىپىسى ئولتۇرۇلگەندىن كېيىن، خەلىپىنىڭ ۋارىسلىغىنى تالىشىش سەۋەپلىرى بىلەن مەيدانغا كېلىپ، ئەلىنىڭ ۋارىسلىغىنى قوللىغان. كېيىنچە ئولار ئىسلام دىنىدە سۈننى مەزھىبىگە قارشى بىر مەزھەپكە ئايلانغان. ئولار ئەلىنى مۇھەممەت پەيغەمبەردىن يۇقۇرى قويىغان، جۈملىدىن يەنە بىر مۇنچە دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ قويىغان. مىلادى 1502-يىلى، ئېران پادىشاسى شاھ ئىسمايىل (مىلادى 1502—1524-يىللىرى ئىچىدە تەختتە تۇرغان) شىئە مەزھىبىنىڭ قارشىتىرىنى ئېراننىڭ دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىغان.
47. مۇتەسەۋۋىفە—بۇ ئىسلام دىنىدىكى ئالاھىدە بىر ئىدىيەۋى ئېقىم بولۇپ، يەنە “تەسەۋۋۇفچىلار”، “سوپىلار” “تەرىقەتچىلەر” دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىدىيەۋى ئېقىم ئىسلام دىنىدىكى ئالاھىدە بىر مەزھەپ بولماستىن، بەلكى ھەممە مەزھەپلەرنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرگەن بىر ئېقىم. ئولار جاپالىق زىكرى تالاۋەت قىلىشنى، بۇ يول ئارقىلىق “مۇتلەق ھەقىقەت”كە يېتىشنى، يەنى ئاخىرقى ھېسابتا ئاللا بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىگىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شىنجاڭدا بۇ ئىدىيەۋى ئېقىمنىڭ نەخشىبەندىيە، قادىرىيە، چەشتىيە قاتارلىق تارماقلىرى بار.
48. ئىمام مۇھەققەق بىننۇلھەزەم ئەلزاهىرى—بۇ ئىسپانىيىدىكى ئىسلام ئەندەلۇس رايونىدا (ھازىرقى ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە) ئۆتكەن مەشھۇر تەپسىر ۋە ھەدىس ئالىمى. ھىجرى 384-يىلى (مىلادى 994-يىلى) قۇرتۇبە دېگەن جايدا تۇغۇلۇپ، ھىجرى 456-يىلى (مىلادى 1064-يىلى) ۋاپات بولغان.
49. ئەمىر ئابامۇسلىم مەرۋىزى—يەنى ئابدۇلراخمان بىننى مۇسلىم خوراسانى. خوراسان رايونىنىڭ مەرۋىز شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. شۇڭلاشقا ئۇ يەنە “خوراسانى” دېگەن تەخەللۇسىمۇ قوللىنىلغان. ھىجرى 132-يىلى (مىلادى 750-يىلى) 600 مىڭ قوشۇن بىلەن شام شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەرەپ ئۇمەييا خەلىپىلىگىنى يوق قىلىپ، ئەرەپ ئابباسىيە سۇلالىسىنى تىكلىگەن ھەم ئەبۇ ئابباس سەففاھ ئابدۇللا بىننى مۇھەممەت بىننى ئەلى بىننى ئابدۇللا بىننى ئابباسنى خەلىپە قىلىپ تىكلىگەن. ھىجرى 137-يىلى (مىلادى 754-يىلى) ۋاپات بولغان.
50. سۇلتان ئەبۇسە ئىدمىرزا—يەنى ئەبۇ سەئىد بىننى مۇھەممەت بىننى ئەمرانشاھ بىننى تېمۇرلەڭ. سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلىغان تېمۇرىيە سۇلالىسىنىڭ 7-پادىشاسى. ھىجرى 859-يىلى (مىلادى 1451-يىلى) تەختكە چىقىپ، ھىجرى 873-يىلى (مىلادى 1468-يىلى) ئازەربەيجان ۋالىسى ئۇزۇن ھەسەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
51. خىتاي—چاغاتاي يېزىغىدا يېزىلغان كىلاسسىك ئەسەرلەردە، بۇ سۆزنىڭ مۇنداق بىر قانچە مەنىلىرى بار: بىرىنچى، بۇ ئەسلىدە ئالتاي تىل سىستېمىسى مانجۇ-تۇڭغۇس تىللىرى ئائىلىسىدىكى (بەزىلەر تۈركى تىللار ئائىلىسىدە دەپ قارايدۇ) قەدىمقى بىر ئولۇسنىڭ نامى بولۇپ، مىلادى 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا باش كۆتۈرۈپ، زور خىتاي خاندانلىغىنى (لىياۋ خاندانلىغىنى) قۇرغان. مىلادى 12-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتاي خاندانلىغى يېمىرىلىپ، ئونىڭ بىر قىسمى غەربكە كۆچۈپ، قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەرگەز قىلغان قاراخانلار سۇلالىسىنى يوقىتىپ “قاراخىتاي” خاندانلىغىنى قۇرغان. دېمەك “خىتاي” سۆزى ئەنە شۇ ئولۇسنىڭ ئۆز نامى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىككىنچى، بەزى تارىخى ئەسەرلەردە (جۈملىدىن ئەرەبچە، پارسچە ئەسەرلەردە)، مىلادى 13-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى چىڭگىز ئىستىلاسىدىن بۇرۇنقى ۋە چىڭگىز ئىستىلاسى دەۋرىدىكى شىمالى جۇڭگو رايونى، بولۇپمۇ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى. ئومۇمەن “خىتاي”، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبى، بولۇپمۇ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى خەنزۇ رايونلىرى “چىن” ياكى “چىنى”، “سىنى” دېگەن جۇغراپىيىلىك ناملار بىلەن ئاتالغان. ئۈچىنچى، بۇ دەۋردە يەنە “خىتاي” سۆزى شىمالى جۇڭگو، شەرقى شىمالى جۇڭگو رايونلىرىدا ياشايدىغان مانجۇ-تۇڭغۇس تىلىدىكى بىر مۇنچە ئاز سانلىق مىللەتلەر، (موڭغۇللار بونىڭ ئىچىدە) “خىتاي” ۋە جەنۇبى جۇڭگودىكى خەنزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر “چىن”، “چىنى”، “سىنى” دېگەن ئېتنىك ناملار بىلەن ئاتالغان. تۆتىنچى، بەزى ئەسەرلەردە مىلادى 14-ئەسىردىن كېيىنكى چاغاتاي ئەۋلادى ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلاردىن باشقا بارلىق جۇڭگو زېمىنى، بولۇپمۇ مىڭ سۇلالىسى (مىلادى 1368—1644-يىلى) ھۆكۈمرانلىغىدىكى جۇڭگو زېمىنى ۋە بۇ جايدا ياشايدىغان خەنزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى (موڭغۇللار بونىڭ سىرتىدا) ئومۇمەن “خىتاي” ياكى “چىنى” دېگەن جۇغراپىيىلىك ۋە ئېتنىك نام بىلەن ئاتالغان. «تارىخى ھەمىدى» دە بولسا، “خىتاي” سۆزى بەزىدە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى غەيرى ئىسلام دىنىدە بولغان خەنزۇ، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەرنى كۆرسەتسە، بەزىدە بۇ ئەسەردە بايان قىلىنغان “موغۇلىستان” زېمىنىدىن باشقا جۇڭگو زېمىنى، بەزىدە ئىچكى ئۆلكىلەردە قۇرۇلغان خەنزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سۇلالە ۋە پادىشالىرىنى ئىپادىلەپ، “خاقانى چىنى”، “فەغفۇرچىنى” دېگەن ناملار بىلەن بىر مەنىدە بايان قىلىنغان. بەزىدە بولسا پەقەت خەنزۇ مىللىتىنى كۆرسەتكەن. بۇ جايدا بولسا جۇرچىت خانلىغى (مىلادى 1115—1234-يىلى) كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
52. ئالتانخان—مىلادى 1114-يىلى شەرقى شىمالدىكى خىتاي خاندانلىغىنى يوق قىلىپ ئورنىغا دەسسىگەن مانجۇ-تۇڭغۇس تىللىرى ئائىلىسىدىكى جۇرچىت ئولۇسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان جىن (金) خاندانلىغىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئومۇمى نامى.
53. جۇڭدۇ—مىلادى 907-يىلى قۇرۇلغان خىتاي خاندانلىغىنىڭ ئوتتۇرا پايتەختى دادىڭفۇ (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ نىڭچېڭ ناھىيەسى) دېگەن شەھەرنىڭ نامى بولۇپ، بۇ جايدا خىتاي خاندانلىغىنىڭ نەنكىڭ (جەنۇبى) پايتەختى يەنجىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) شەھىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
54. ئۇيغۇر مەملىكىتى—بۇ جايدا مىلادى 866-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىغىنىڭ شاھزادىسى بارچۇق تېكىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان قۇچۇ ئۇيغۇرخانلىغى (ئىدىقۇت خانلىغى) نىڭ ئەسلى زېمىنى كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ خانلىق ئەينى زاماندا شەرقتە جايۈگۇەن، غەربتە كۇچار (بەزى چاغلاردا خوتەن رايونىغىچە)، شىمالدا بوغدا تاغلىرى، جەنۇبتا قاراڭغۇ تاغ قاتارلىق جايلارغىچە سوزۇلغان ئىدى.
55. خەلىپە مۇستەئسىم—يەنى ئەبۇ ئەھمەت ئابدۇللا بىننى مۇستەنسىر مەنسۇر بىللا: ئەرەپ ئابباسىيە خەلىپىلىگىنىڭ 37-خەلىپىسى بولۇپ، ھىجرى 654 - يىلى (مىلادى 1256 - يىلى)، بەزى ماتېرىياللاردا ھىجرى 656 - يىلى (مىلادى 1258 - يىلى) چىڭگىز خان ئەۋلادى ھىلا كۇخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. نەتىجىدە ئەرەپ ئابباسىيە خەلىپىلىكى ئاياقلاشقان.
56 ئەبۇ ھەفەس كۇبرا — يەنى ئەبۇ ھەفەس (ھەفىز) كۇبرا بۇخارى. بۇخارالىق مەشھۇر ئىسلام ئۆلىماسى، سۇپى ۋە شەرىئەت ئىلمىنىڭ ئالىمى بولۇپ، ھىجرى 616 - يىلى (مىلادى 1219 - يىلى) چىڭگىزخان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بۇخارادا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى شەيخ جالالىدىن كىتكى ھازىرقى ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئايكۆل دېگەن جايغا كېلىپ ئورۇنلاشقان.
57 شەيخ نەجمىدىن كۇبرا — يەنى ئەبۇلجانابى ئەھمەت ئىبنى ئۆمەر ئەلخېۋەتى. ئۇ خارەزىملىك مەشھۇر سوپى شائىر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىلمى بەس - مۇنازىرىلەردىكى ماھىرلىغى بىلەن “ئەتتەمەتۇل كۇبرا” دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. ھىجرى 616 - يىلى (مىلادى 1219 - يىلى) چىڭگىزخان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
58 جەمشىت — ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى قەدىمقى پىشدادىيان سۇلالىسىنىڭ 4 - پادىشاھى بولۇپ، ئۆزىنىڭ باتۇرلىغى، زېرەكلىكى، كەشپىياتچىلىغى بىلەن شۆھرەت قازانغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇ ئىراننىڭ نورۇز كالېندارىنى، ھېيت - بايرام كۈنلىرىنى ۋە باشقا قانۇن - تۈزۈملەرنى بەرپا قىلغان، شاراپ ئىچىشنى ئىجات قىلغان ئىكەن. “جام” (قەدەھ) سۆزى ئەنە شۇ جەمشىتنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.
59 ماخمۇت بەگ يالاۋاچ — مىلادى 1228 - يىلى، چىڭگىزخان ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق رايونلارنى ئۆزىنىڭ تۆت ئوغلىغا تەقسىم قىلغان چاغدا، ھازىرقى شىنجاڭ رايونىنىڭ كۆپ قىسمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا تەقسىم قىلىنغان. بۇ چاغدا چاغاتاي خان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىنى ئۆزگەنجىلىك چوڭ سودىگەر ماخمۇت يالاۋاچقا تاپشۇرغان. مىلادى 1238 - يىلى ماخمۇت يالاۋاچ بىلەن چاغاتاي خان ئوتتۇرىسىدا چوڭ زىددىيەت پەيدا بولۇپ، ئۇ خان بالىق (ھازىرقى بېيجىڭ) شەھىرىگە يۆتكىلىپ، بۇ جاينىڭ باش ۋالىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. مىلادى 1254 - يىلى بۇ جايدا ۋاپات بولدى.
60 خەلىپە قادىر بىللا — يەنى ئەخمەت ئىبنى ئىسھاق بىننى مۇقتەدىر بىللاھەئىفىر. ئەرەپ ئابباسىيە خەلىپىلىكىنىڭ 25 - خەلىپىسى، ھىجرى 336 - يىلى (مىلادى 947 — 948 - يىلى) تۇغۇلۇپ، ھىجرى 442 - يىلى (مىلادى 1031 - يىلى) باغداتتا ۋاپات بولغان.
61 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بولۇپ، قۇبىلايخان (چىڭگىز خاننىڭ نەۋرىسى، يۈەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھى) 15 يىل ئەمەس بەلكى 31 يىل (مىلادى 1271 — 1294 - يىلى) ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى.
62 ئەمىر تېمۇر كوراگانى — تېمۇرلەڭ، ساھىپ قىران، ئاقساق تېمۇر دېگەن ناملىرى بىلەنمۇ ئاتالغان بولۇپ، ھىجرى 736 - يىلى (مىلادى 1335 — 1336 - يىلى) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەھرى سەبىز دېگەن جاينىڭ كەش دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن. نەسەپ جەھەتتىن مۇسۇلمانلاشقان موڭغۇل بارلاس قەبىلىسىگە مەنسۇپ، مىلادى 1360 - يىلى موڭغۇلىستان پادىشاھى تۇغلۇق تېمۇرخان تەرىپىدىن كەش ۋالىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن. 1370 - يىلى موڭغۇلىستان خانلىغىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى بۆلۈۋېلىپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلىپ، تېمۇرىيە سۇلالىسىنى تىكلىگەن. ئۆزۈن ئۆتمەي غەربتە قارا دېڭىز، ئىران، جەنۇبتا ھىندىستانغىچە بولغان جايلارنى بېسىۋالغان. كېيىنچە موڭغۇلىستان پادىشاھى يۇنۇسخاننىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ “كوراگانى” (خانغا كۈيئوغۇل) دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. مىلادى 1405 - يىلى زور قوشۇن بىلەن جۇڭگوغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشىدە ئوترار (ھازىرقى جامبىل شەھىرى)دە ۋاپات بولغان.
63 بۇ جايدا چۆچەكلىك ئىمام قارى قۇربان ئەلى ۋەلىد ھاجى خالىد بەگ تەرىپىدىن مىلادى 1908 - يىلى يېزىلغان «تاۋارىخ خەمسەئى شەرق» ناملىق تارىخ كىتابى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
64 ئابباسىيە — ھىجرى 132 - يىلى (مىلادى 750 - يىلى) ئەبۇ مۇسلىم خوراسانى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەرەپ خەلىپىلىكى بولۇپ، بۇ دۆلەت تۇنجى خەلىپە ئەبۇ ئابباس سەففاھ ئىبنى مۇھەممەت ئىبنى ئەلى ئىبنى ئابدۇللانىنى ئابباسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭ پايتەختى ھازىرقى ئىراقنىڭ باغدات شەھىرى بولۇپ، ھىجرى 656 - يىلى (مىلادى 1258 - يىلى چىڭگىز خاننىڭ نەۋرىسى ھىلا كۇخان تەرىپىدىن يوق قىلىنغان.
65 ماۋارائۇننەھرى — بۇ قەدىمقى يۇنانچە “تېرانىسىئوكسانىيە” (ئوكسىس - ئامۇ دەريانىڭ نېرىقى تەرىپى) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەرەپچە “ماۋارائۇننەھرى” (دەريانىڭ نېرىقى تەرىپى) دەپ ئاتالغان. ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ ئارىلىغىدىكى جايلارنىڭ ئومۇمى نامى.
66 خوراسان — قەدىمقى زاماندا ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقى قىسمى، ئافغانىستاننىڭ غەربى ۋە غەربى شىمالى قىسمى، ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك نامى بولۇپ، بۇ پارىسچە “خور” (قۇياش ياكى شەرق تەرەپ) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. ھازىر ئافغانىستاندىكى چوڭ بىر شەھەرنىڭ نامى.
67 قەھىستان — بۇ غەربتە دەشتى كەبىر، جەنۇبتا دەشتى لۇت، شەرقتە نائۇمىد ۋە شىمالدا بىر كىچىك چۆللۈك ئارىلىق خوراسانغا تۇتىشىدىغان ئىرانغا قاراشلىق بىر تاغلىق رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك نامى. شۇڭلاشقا بۇ رايون يەنە “كۇھىستان” (تاغلىق يەر) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
68 رۇكىنىدىن خورشاھ — يەنى رۇكىنىدىن خورشاھ ئىبنى خۇۋاۋەندە، ئىراندى قۇرۇلغان مۇلكى ئىسمائىلىيە ياكى مۇلاھىدەئى قەھىستان (كۇھىستان) دۆلىتىنىڭ 8 - پادىشاھى بولۇپ، ھىجرى 653 - يىلى (مىلادى 1255 - يىلى) دادىسى خۇۋاۋەندە ئالائىددىن مۇھەممەتنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، ھىجرى 634 - يىلى (مىلادى 1256 - يىلى) چىڭگىز خاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكوخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، دۆلىتى مۇنقەرىز قىلىنغان.
69 مەۋلانا نەسىرىددىن تۇسى — يەنى مۇھەممەت ئىبنى پەخرىددىن مۇھەممەت رازى. مىلادى 13 - ئەسىردە ئالەمگە داڭقى كەتكەن بۈيۈك مۇتەپەككۇر بولۇپ، ھىجرى 597 - يىلى (مىلادى 1200 ـ 1201 - يىلى) ئىرانغا قاراشلىق تۇس شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ياشلىق دەۋرىدە ئەبۇئەلى ئىبنى سىنا قاتارلىق ئىلمى ئەجداتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ئېلىپ، ئىلمى نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، ماتېماتىكا، ئىلمى تەبىئەت، ئىلمى تىبابەت، ئىلمى شەرىئەت، ئىلمى تەپسىر، ئىلمى تەسەۋۋۇپ قاتارلىق جەھەتلەردە بىر مۇنچە نادىر ئەسەرلەرنى يازغان. ھىلا كۇخان قەھىستاننى زەبىت قىلغاندىن كېيىن، مەۋلانا نەسىرىددىن تۇسى زىندانغا تاشلانغان. ئۆزۈن ئۆتمەي ھىلا كۇخان ئۇنى زىنداندىن بوشىتىپ، رەسەت (ئوبسېرۋاتورىيە) باغلاشقا بۇيرۇق قىلغان. ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن “ئەززىجى ئىلخانيە” (ئىلخانيە دۆلىتى ئوبسېرۋاتورىيەسى) رەسەتخانىسىنى قۇرۇش بىلەن تەڭ، بۇنىڭ قارىمىغىدا چوڭ بىر كىتاپخانا تەسىس قىلىپ، يۇنانچە، ھىندىچە، ئەرەپچە، پارىسچە، خەنزۇچە تىللاردا يېزىلغان 400 مىڭ توملۇق كىتاپ توپلىغان. بۇ ئەينى زاماندا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ كىتاپخانا ئىدى. ھىجرى 672 - يىلى (مىلادى 1273 ـ 1274 - يىلى) مەۋلانا نەسىرىددىن تۇسى باغداتتا ۋاپات بولۇپ، ئىمام مۇساكازىم قەۋرىستانلىغىغا دەپنە قىلىنغان.
70 نورۇز ئىبنى ئارغۇن ئاباقا — ھىلاكوخاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاباقاخان ئىبنى ھىلاكوخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ھىجرى 694 - يىلى (مىلادى 1295 - يىلى) ئىسيان كۆتۈرۈپ، قانۇنى پادىشا بايدۇخان ئىبنى تاراغاي خاننى يىقىتىپ، جىيەنى غازان مەھمۇتخان ئىبنى ئارغۇنخاننى ئىلخانيە تەختىگە يۆلەپ چىقارغان.
71 ئىلخاني — مىلادى 1257 - يىلى ھىلا كۇخان باغداتنى پايتەخت قىلىپ قۇرغان ئىلخانيە دۆلىتى مۇنقەرىز بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان بىر دۆلەت بولۇپ، بۇ ھىجرى 745 - يىلى (مىلادى 1344 - يىلى) بۇرۇنقى ئىلخانيە دۆلىتىگە قاراشلىق ئاناتولى رايونىنىڭ باش ۋالىسى ئەمىر شەيخ ھەسەن ئىبنى ئەمىر ھۆسەيىن ئىبنى ئاقبۇغائىبنى ئىلگان ئىبنى جالايىر تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، ھىجرى 813 - يىلى (مىلادى 1410 ـ 1411 - يىلى) غىچە داۋاملاشقان. لېكىن «تارىخى ھەمىدى»دە ئىلخانيە بىلەن ئىلخانيە دۆلەتلىرى بىر دەپ بايان قىلىنغان.
لىرىنى تىكلىگەن.
79 ھەزرىتى باھائىددىن نەقشىبەندى — يەنى خوجا مۇھەممەت باھائىددىن نەقشىبەندى، ھىجرى 718 - يىلى (مىلادى 1318 - يىلى) بۇخارانىڭ يېنىدىكى قەسىر ئارفان دېگەن جايدا تۇغۇلغان. بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىنى بۇخارادا ئىلىم ئۆگىنىش، نەققاشچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋە “نەقشىبەندى” (نەققاش) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا تەرقەت (سوپىلىق) ئىدىيىسى ئېقىمىغا مەنسۇپ “تەرىقەتى نەقشىبەندىيە” گۇرۇھىنى تەشكىل قىلغان. شىنجاڭدىكى تەرقەت ئەھلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ گۇرۇھقا مەنسۇپ. ئۇ ھىجرى 791 - يىلى (مىلادى 1389 - يىلى) ئۆز يۇرتى قەسىر ئارفاندا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئەمىر تېمۇر كوراگانى ۋاپاتىدىن 25 يىل بۇرۇن.
80 ئەمىر سەئىد ئەلى ئىبنى مۇھەممەت ئەلھەمەدانى — مىلادى 14 - ئەسىردە ئۆتكەن ئىران ئالىمى بولۇپ، ئۆز ئۆمىرىدە سەئىد جۇرجانى تەرىپىدىن يېزىلغان «شەمىسىيە»، «مۇتائىيە» قاتارلىق كىتاپلارنى شەرھىلەپ «ۋەقايە»، «ئىنايە» دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان.
81 خوجا ھاپىز شىرازى — يەنى خوجا شەمىسددىن مۇھەممەت ھاپىز شىرازى. 14 - ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئىران شائىرى بولۇپ، ئۆز ئۆمىرىدە سەئىد قاسىم ئەنۋەر قاتارلىق شائىرلارنىڭ بىر مۇنچە غەزەللىرىنى توپلام قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە ئۆزىمۇ بىر مۇنچە داڭلىق غەزەللەرنى يازغان. ئۇنىڭ غەزەللىرى بۇرۇن شىنجاڭدىكى مەدرىسىلەردە ئاساسلىق دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن. خوجا ھاپىز شىرازى بىر رىۋايەتتە ھىجرى 791 - يىلى (مىلادى 1389 - يىلى)، يەنە بىر رىۋايەتتە ھىجرى 794 - يىلى (مىلادى 1392 - يىلى) ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
82 ئەللامە تەفتازانى — يەنى ئەللامە سەئىدىددىن مەسئۇت ئىبنى ئۆمەر تەفتازانى. ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق ئىسلام ئۆلىماسى بولۇپ، ھىجرى 722 - يىلى خوراساننىڭ نىسا ۋىلايىتى تەفتازان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەمىر تېمۇر كوراگانىنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ زور ھۆرمەت ۋە ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئىلمى تەپسىر، ئىلمى فۇقۇھا، ئىلمى قەۋائىد ۋە باشقا پەنلەردە بىر مۇنچە نادىر ئەسەرلەرنى يازغان. ھىجرى 892 - يىلى (مىلادى 1390 - يىلى) سەمەرقەندە ۋاپات بولغان.
83 مىرسەئىد شېرىپ ئەللامە جۇرجانى — يەنى مىرسەئىد ئەلى شېرىپ ئەبۇلھەسەن ئەلى جۇرجانى. مىلادى 14 - ئەسىرنىڭ مەشھۇر ئىسلام ئۆلىماسى بولۇپ، ئۆز ئۆمىرىدە «شەمىسىيە»، «مۇتائىيە»، «مۇۋاقىق» قاتارلىق چوڭ ئەسەرلەرنى يازغان.
84 ئىمام گەردىزى — يەنى ئەبۇلمۇزەففەر ئابدۇلغۇپۇر ئىبنى لۇقمان ئەلگەردىزى. مىلادى 14 - ئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخ ۋە ئىسلام ئۆلىماسى بولۇپ، ھازىرقى خارەزىم شەھىرىنىڭ يېنىدىكى گەردىز دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن ۋە شۇ جايدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ “تارىخى ئىمام گەردىزى” دېگەن ئەسىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركى قەۋملىرىنىڭ تارىخى، تىلى، جايلىشىش ئورنى ھەم ئۆرپ - ئادەت، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
85 ئەللامە ئىبنى خەلدۇن — يەنى ئەبۇزەيىد ئابدۇلراخمان ئىبنى مۇھەممەت ئىبنى خەلدۇن ھەزرەمى. ئەسلىدە ئەرەبىستاننىڭ ھەزەرمۇت دېگەن جايىدا ياشاپ كەلگەن ئەرەپ ئەۋلادى بولۇپ، ھىجرى 732 - يىلى (مىلادى 1331 — 1334 - يىلى) ھازىرقى تۇنىستا دۇنياغا كەلگەن. ئۆز ئۆمىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ساياھەت بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ «مۇقەددەمەئى ئىبنى خەلدۇن» («تارىخى ئىبنى خەلدۇن») ناملىق 7 توملۇق ئەسىرى دۇنيادىكى بىر مۇنچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ چاغاتاي تىلىدىكى تەرجىمىسىمۇ بار. ھىجرى 806 - يىلى (مىلادى 1403 — 1404 - يىلى) قاھىرەدە ۋاپات بولغان.
86 ئىبنى ئەرەبشاھ — يەنى ئىبنى ئەرەبشاھ ئەھمەت. مەشھۇر ئىسلام ئۆلىماسى، شائىر ۋە تارىخچى بولۇپ، ھىجرى 804 - يىلى (مىلادى 1401 — 1402 - يىلى) دەمەشىقتە ۋاپات بولغان. ئۆز ئۆمىرىدە «ئاجايىبۇل مەقدۇر فى ئەھۋالى تېمۇر»، «فاكىھەتۇل خۇلەفا» ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئاپتور بۇ جايدا ئۇنىڭ ئالدىنقى كىتابىنى كۆزدە تۇتسا كېرەك.
87 بۇخارى — يەنى مۇھەممەت شەمىسددىن ئەمىر بۇخارى. بۇخارالىق مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى بولۇپ، ئۆز ئۆمىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن ھەم «تارىخى بۇخارى» ناملىق مەشھۇر ئەسەر يازغان. ھىجرى 833 - يىلى (مىلادى 1429 — 1430 - يىلى) تۈركىيەدە ۋاپات بولغان.
88 يىلدىرىم بايزىد — يەنى يىلدىرىم سۇلتان بايزىد خان ئەۋۋەل. ئوسمانىيە سۇلالىسىنىڭ 4 - سۇلتانى. مىلادى 1360 - يىلى دۇنياغا كەلگەن. 1389 - يىلى تەختكە چىققان. 1402 - يىلى ئەمىر تېمۇر كوراگانى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
89 ئىمام جەزەرى — يەنى ئىمام شەمىسددىن مۇھەممەت ئەلجەزەرى. ئەرەپ چۆللۈگىدىكى جەزىرە ئۈل ئىبنى ئۆمەر دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن. ئۆز ئۆمىرىدە «ئەلھىسنى» دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ، ھىجرى 733 - يىلى (مىلادى 1332 — 1333 - يىلى) ۋاپات بولغان. بىراق «تارىخى ھەمىدى»نىڭ بۇ جايىدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى مەزكۇر ئالىم ئەمىر تېمۇر كوراگانى تۇغۇلۇشتىن ئۈچ يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان ئىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگانى بولسا ھىجرى 736 - يىلى (مىلادى 1335 — 1336 - يىلى) دۇنياغا كەلگەن.
90 ئەللامە سىيۇتى — يەنى جالالىددىن ئەبۇلفەزىل ئابدۇلراخمان ئىبنى مۇھەممەت سىيۇتى. مىسىرنىڭ سىيۇت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆز ئۆمىرىدە يۈز تومدىن ئارتۇق تارىخ، جۇغراپىيە، تىل ۋە دىنغا ئائىت كىتاپلارنى يازغان. ھىجرى 911 - يىلى (مىلادى 1505 — 1506 - يىلى) مىسىردا ۋاپات بولغان.
91 مۇھەممەتخان شەيبانى — چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى جۇچىخاننىڭ ئەۋلادى. ھىجرى 900 - يىلى (مىلادى 1494 — 1495 - يىلى) ماۋارائۇننەھرى ۋە خوراسان رايونىغا ھۇجۇم قىلغان. ھىجرى 916 - يىلى (مىلادى 1510 - يىلى) قىزىل باش ئىسمائىل سەفەۋى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ تارىختا “شاھى بەك خان” دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
92 ئىراقى ئەجەم — تارىختا ئىراننىڭ ئىراققا قاراشلىق غەيرى ئەرەپ مىللەتلىرى ياشايدىغان رايونلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك نامى.
93 ئىراقى ئەرەپ — تارىختا ئىراققا قاراشلىق ئەرەپ مىللەتلىرى ياشايدىغان رايونلارنىڭ جۇغراپىيىلىك نامى.
94 مەۋلانا شەمىسددىن مۇھەممەت — يەنى شەمىسددىن خەييالى بۇخارى. بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىنى سەمەرقەنتتە ئىلىم ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات بىلەن ئۆتكۈزگەن. مىرزا ئۇلۇغ بەگ بىلەن بىللە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. بىر مەزگىل ھىراتتا ياشىغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئەينى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيا، ماۋارائۇننەھرى ۋە خوراسان رايونىغا كەڭ تارقالغان. مىلادى 1449 - يىلى ۋاپات بولغان.
95 ئۆۋەيىسى خان — تۇغلۇق تېمۇر تەرىپىدىن قۇرۇلغان موڭغۇلىستان خانلىغىنىڭ 5 - پادىشاھى. مىلادى 1418 - يىلى تەختكە چىقىپ، مىلادى 1428 - يىلى ئالمىلىقتا ۋاپات بولغان. بۇ جايدا بايان قىلىنغان يۇنۇسخان (ئۇستاد يۇنۇس) بولسا ئۆۋەيىسى خاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادى 1462 — 1487 - يىللىرى موڭغۇلىستان تەختىدە تۇرغان.
96 سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا — ئەمىر تېمۇر كوراگانىنىڭ ئەۋلادى. مىلادى 1451 - يىلى تەختكە چىقىپ، مىلادى 1468 - يىلى ۋاپات بولغان.
97 مەۋلانا ھۆسەيىن ۋائىز كاشىفى — ئىراننىڭ مەشھۇر شائىرى ۋە دىنىي ئۆلىماسى بولۇپ، ئۆز ئۆمىرىدە «جەۋاھىرۇتتەفسىر»، «رەۋزەتۇششۇھەدا»، «كاشىفىيە» ناملىق نادىر ئەسەرلەرنى يازغان. ھىجرى 910 - يىلى (مىلادى 1504 - يىلى) ھىراتتا ۋاپات بولغان.
98 مەۋلانا مۇئىنىددىن — خوراسان دۆلىتىنىڭ مەشھۇر ئالىمى بولۇپ، ئۆز ئۆمىرىدە «مەئارىجۇن نۇبۇۋۋەت»، «رەۋزەتۇل جەننەت» ناملىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، مىلادى 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ۋاپات بولغان.
99 مەۋلىۋى جامى — يەنى مەۋلانا نۇرىددىن ئابدۇلراخمان جامى — ھىجرى 817 - يىلى (مىلادى 1414 - يىلى) خوراساننىڭ جام شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىنى ھىراتتا ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن. كېيىنچە خوجا باھائىددىن نەقشىبەندىنىڭ خەلىپىسى سەئىدۇلھەق ۋەلىدىن كاشغەرىگە قول بېرىپ مۇرىد بولغان. ئۆز ئۆمرىدە «ھەپتە ئەۋرەڭ»، «باھارىستان»، «تۆھپەتۇل ئەھرار»، «يۈسۈپ ۋە زۇلەيخا»، «لەيلى ۋە مەجنۇن»، «نەفھاتۇل ئۇنىس»، «رىسالەئى قاپىيە»، «شەرھى رۇبائىيات» قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان. جامى ئىجادىيىتىنىڭ ئەلشىر ناۋائىيغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. جامى ھىجرى 898 - يىلى (مىلادى 1493 - يىلى) ھەج سەپىرىدىن قايتىپ ھېراتتا ۋاپات بولغان.
100 سەفەۋىيلەر — ئىراندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىر دۆلەت بولۇپ، ھىجرى 907 - يىلى شاھ قىزىل باش ئىسمائىل سەفەۋى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ھىجرى 1135 - يىلى (مىلادى 1722 - يىلى) ئافغانلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
101 كۆچكۈم خان بىننى مەھمۇتخان بىننى ئابۇلخەيرخان — تارىختا يەنە كۆچكۈنچى خان، كۆچۈم خان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ماۋەرائۇننەھىردە ھۆكۈم سۈرگەن ئۆزبېك سۇلالىسىنىڭ 2 - پادىشاھى بولۇپ، ھىجرى 916 - يىلى (مىلادى 1510 - يىلى) تەختكە چىقىپ، ھىجرى 936 - يىلى (مىلادى 1530 - يىلى) ۋاپات بولغان.
102 غەزنەۋىلەر — ئافغانىستاننىڭ غەزنە شەھىرىنى پايتەخت قىلغان بىر سۇلالە بولۇپ، ھىجرى 387 - يىلى (مىلادى 997 - يىلى) سۇلتان مەھمۇت بىننى سەبۈكتېكىن تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، ھىجرى 545 - يىلى (مىلادى 1150 - يىلى) سەلجۇق تۈركلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. بۇ سۇلالە ناھايىتى كۈچەيگەن مەزگىلدە ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، ئافغانىستان، ئىراننىڭ بىر قىسمى، پاكىستان، غەربىي شىمالىي ھىندىستان قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن.
103 شىر ئەلى خان — موغۇلىستان خانلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھى تۇغلۇق تېمۇر خاننىڭ نەۋرىسى، يەنى موغۇلىستاننىڭ 2 - پادىشاھى خىزىر خوجاخان (مىلادى 1389 — 1403 - يىلى) نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. 6 - پادىشاھ ئۇۋەيسى خاننىڭ دادىسى.
104 خوجا مۇھەممەت پارسا — مىلادى 14 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى، 15 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ياشىغان مەشھۇر تەرىقەت ئۇستازى ۋە دىنىي ئالىم بولۇپ، نەقشىبەندىيە گۇرۇھىنىڭ ئەقىدىلىرى ئۈچۈن زور ئاساس سالغان. ئۆز ئۆمرىدە «فەزىلۇل كىتاب فى ئەلمۇھازىرات» ناملىق يىرىك ئەسەر يازغان. ھىجرى 822 - يىلى (مىلادى 1420 - يىلى) ۋاپات بولغان.
105 دوست مۇھەممەتخان — تۇغلۇق تېمۇر خاننىڭ ئەۋلادى. موغۇلىستاننىڭ 2 - پادىشاھى خىزىر خوجاخان (مىلادى 1389 — 1403 - يىلى) نىڭ نەۋرىسى، يەنى شاھى جاھاننىڭ ئوغلى. موغۇلىستاننىڭ 9 - پادىشاھى يۇنۇسخان (مىلادى 1462 — 1487 - يىلى) دەۋرىدە ھازىرقى ئاقسۇدىن تۇرپانغىچە بولغان جايلارنىڭ باش ۋالىيسى (قارانداي سۇلتان) بولۇپ تۇرغان ئىدى.
106 خوجا ئەھرار — مىلادى 15 - ئەسىردە ياشىغان چوڭ ئىشان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا نەقشىبەندىيە گۇرۇھىنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى ئىدى. مىلادى 1449 - يىلى ئالىم ۋە سۇلتان مىرزا ئۇلۇغبېكنى ئۆلتۈرۈش قەستىگە بىۋاستە رەھبەرلىك قىلغان. كېيىنچە سەمەرقەنتتە ۋاپات بولغان.
107 مەخدۇمى ئەززەم — فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ كاسان دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، تولۇق ئىسمى ئەخمەت بىننى سەئىد جالالىددىن خوجاگىيى كاسانى. ئوتتۇرا ئاسىيا نەقشىبەندىيە تەرىقەت گۇرۇھىنىڭ پىرى بولغانلىغى ئۈچۈن “مەخدۇمى ئەززەم” (ئۇلۇغ ئۇستاز) دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. شىنجاڭدىكى نەقشىبەندىيە تەرىقەتچىلىرىنىڭ چوڭ خوجىلىرى ئۆز نەسەبنامىسىنى ئەنە شۇنىڭغا باغلايدۇ. يەكەن خانلىقىنىڭ 2 - سۇلتانى سۇلتان ئابدۇرەشىت خان دەۋرىدە، يەنى ھىجرى 942 - يىلى (مىلادى 1535 — 1536 - يىلى) مەخدۇمى ئەززەم يەكەن، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا كېلىپ نەقشىبەندىيە سۈلۈكىنى تارقاتتى. ھىجرى 949 - يىلى (مىلادى 1542 - يىلى) ئۆز كاسانغا قايتىپ، دەھبىددە ۋاپات بولدى.
108 سۇلتان سەئىدخان بىننى ئەھمەدخان — 26 - ئىزاھاتقا قارالسۇن.
109 مۇھەممەت سادىق قەشقەرى — قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بىرنەچچە مۇھىم تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان. ھىجرى 1182 - يىلى «تەزكىرەئى ئەزىزان» («تەزكىرەئى خوجاكان» دېگەن ئەسەرنى يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە «زۇبدەتۇل مەسائىل» (مىلادى 1840 - يىلى)، «تەزكىرەئى ئەسھابۇل كەھف» (1844 - يىلى) قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە «تارىخى رەشىدى» (مىلادى 1837 - يىلى)، «تارىخ تەبىرى» («تارىخى ئىسكەندەرى ۋە تاچنامەشاھى»، مىلادى 1846 - يىلى) قاتارلىق پارسچە ۋە ئەرەبچە كىتابلارنى ئۇيغۇر تىلىگە تەرجىمە قىلغان. مىلادى 1849 - يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.
110 قادىرىيە — ئىرانلىق مەشھۇر تەرىقەت ئۇستازى ئابدۇلقادىر جىلانى — گىلانى (مىلادى 1077 — 1160 - يىلى) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان تەرىقەتچىلىك گۇرۇھى. بۇ گۇرۇھنىڭ مۇرىتلىرى شىنجاڭنىڭ غېنىسۇ، شەنشى قاتارلىق جايلاردىمۇ بار.
111 ئەبۇنەسىر سامانى — ھىجرى 287 - يىلى (مىلادى 900 - يىلى) ئىسمائىل بىننى ئەخمەت تەرىپىدىن بۇخارادا قۇرۇلغان سامانىلار سۇلالىسىنىڭ 2 - پادىشاھى ئەخمەت بىننى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى. ھىجرى 301 - يىلى (مىلادى 913 — 914 - يىلى) دادىسى ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەبۇ نەسىر سامانى چەت جايلارغا قېچىپ، ئۇزۇن يىللىق مۇساپىرچىلىق تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ ھىجرى 320 - يىلى (مىلادى 932 - يىلى) قەشقەر رايونىغا كېلىپ، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ شاھزادىسى ساتۇق تېكىننى ئىسلام دىنىگە دەۋەت قىلىدۇ. ساتۇق تېكىن ئوردا ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، قاراخانىلار تەختىگە چىقتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەبۇ نەسىر سامانى ۋاپات بولىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ قەبرىسى ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسدا.
112 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى بۇ چاغدىكى قەشقەر ھۆكۈمرانى ھارۇن بۇغراخان بولماستىن، بەلكى ساتۇق تېكىن (سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان ئابدۇلكەرىم) نىڭ تاغىسى ئوغۇلچاق قادىرخان ئىدى. ھارۇن بۇغراخان بولسا سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخاننىڭ نەۋرىسى يەنى مۇسا بۇغراخاننىڭ ئوغلى. مىلادى 987 — 992 - يىللىرى ھۆكۈم سۈرگەن.
113 ئەفراسىياپ — رىۋايەتلەردىكى بۇ تارىخىي شەخس ھەققىدە ھەر خىل ماتېرىياللار بار. بىر رىۋايەتتە ئەفراسىياپ قەدىمقى تۇران پادىشاھى بولۇپ، ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى پىشدادىيان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى فەرىدۇن (ئەفرىدۇن)، زال قاتارلىقلار بىلەن بىر قانچە قېتىم چوڭ جەڭلەرنى قىلىپ، بىر مەزگىل ئىرانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىكەن. بۇ چاغدا ئۇنىڭ پايتەختى قەشقەر ئىكەن. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇ فەرىدۇننىڭ ئوغلى تۇرنىڭ نەۋرىسى دەپ بايان قىلىنىدۇ. قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ئۆز نەسەپلىرىنى ئەفراسىياپقا باغلايدۇ.
114 بېجىن — «تارىخى ھەمىدى» دە، “بېجىن” دېگەن نام بەزىدە ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنى كۆرسەتسە، بەزىدە ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ بىرەر شەھىرىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ پايتەختىنى (پايتەخت دېگەن مەنىدە) كۆرسىتىدۇ. بەزىدە بولسا بارلىق ئىچكى ئۆلكىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
115 مەۋلانا شەرەفىددىن ئەلىيەزدى — ئىراننىڭ يەزد شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆز ئۆمرىدە «ھۇلۇل»، «مۇنازىر»، «مۇنتەخەپ» ۋە «زەفەر نامە» ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «زەفەرنامە» ناملىق ئەسىرى تېمۇرىيە سۇلالىسىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ فرانسۇزچە، ئىنگلىزچە تەرجىمىلىرى بار. مەۋلانا شەرەفىددىن ئەلىيەزدى ھىجرى 858 - يىلى (مىلادى 1454 - يىلى) ۋاپات بولغان.
116 شەيخ مۇسلىھىددىن شىرازي — يەنى شېيىخ مۇسلىھىددىن سەئىدى شىرازي. مىلادى 1190 - يىلى ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ ئۆز ئۆمرىنىڭ 12 يىلىنى بىلىم ئېلىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن، 30 يىلىنى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن، 30 يىلىنى ساياھەت ۋە سىپاھلىق (ئەسكەرلىك) بىلەن، 30 يىلىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئۇ دۇنياغا مەشھۇر بولغان «گۈلىستان»، ۋە «بوستان» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. مىلادى 1292 - يىلى 102 يېشىدا ۋاپات بولغان.
117 خوجا ئىسھاق ۋەلىيۇللا — شىنجاڭدىكى نەقشىبەندىيە تەرىقەتچىلىرىنىڭ پىرى مەخدۇمى ئەززەمنىڭ كىچىك ئوغلى. ھىجرى 936 - يىلى (مىلادى 1530 - يىلى) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كاسان قەلئەسىنىڭ (دەھبىد) دېگەن جايىدا دۇنياغا كەلگەن. يەكەن خانلىقىنىڭ 4 - سۇلتانى مۇھەممەتخان (مىلادى 1593 — 1611 - يىلى) تەختكە چىقىپ 8 - يىلى، يەنى ھىجرى 1009 - يىلى (مىلادى 1601 - يىلى) شىنجاڭغا كېلىپ، يەكەن، قەشقەر، ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ ۋە تيانشان قىرغىزلىرىنىڭ ئىچىدە تەرىقەتچىلىك ئەقىدىلىرىنى تارقاتقان. ھىجرى 1031 - يىلى (مىلادى 1613 - يىلى) دەھبىدكە قايتىپ، شۇ يىلى ۋاپات بولغان.
118 فىساغورس — بۇ قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى پىياگور (مىلادىدىن بۇرۇنقى 580 — 500 - يىلى) نىڭ ئەرەبچە ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇ ئۆز دەۋرىدە يەنە ماھارەتلىك مۇزىكانت، مەشھۇر ماتېماتىك، ئاسترونوم، ئارخىتېكتور، تېۋىپ ۋە ھەيكەلتاراش ئىدى.
119 خوجا مۇھەممەت شىرىپ بۇزرۇكۋار — نەقشىبەندىيە تەرىقەتچىلىرىنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرى. يەكەن خانلىقىنىڭ 2 - سۇلتانى سۇلتان ئابدۇرەشىت خاننىڭ پىرى. ھىجرى 942 - يىلى (مىلادى 1535 — 1536 - يىلى) مەخدۇمى ئەززەم بىلەن بىللە دەھبىددىن شىنجاڭغا كەلگەن. سۇلتان ئابدۇرەشىت خان ۋاپات بولۇپ (مىلادى 1570 - يىلى) 6 يىلدىن كېيىن، يەنى ھىجرى 984 - يىلى (مىلادى 1576 - يىلى) يەكەندە ۋاپات بولغان.
120 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى خوجا يۈسۈپ مەخدۇمى ئەززەمنىڭ نەۋرىسى ئەمەس بەلكى نەۋرىسى. يەنى مەخدۇمى ئەززەمنىڭ چوڭ ئوغلى خوجاكالان (خوجا ئەخمەت كاسانى) نىڭ ئوغلى. شۇنداقلا خوجا ھىدايىتۇللا (ئاپاق خوجا) دادىسى خوجا يۈسۈپ بىلەن بىللە كەلگەن بولماي، بەلكى مىلادى 1626 - يىلى قۇمۇلدا دۇنياغا كەلگەن.
121 قۇنتەيجى — بۇ موڭغۇل ئويرات قەبىلىلىرىنىڭ مىلادى 16 - ئەسىردە ئۆتكەن باشلىغى بولۇپ، چاغاتاي تىلىدىكى ئەسەرلەردە ئويراتلارنىڭ (جۈملىدىن ئويراتلارنىڭ بىر قىسمى بولغان جۇڭغارلارنىڭ) كېيىنكى باشلىقلىرىمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ جايدا مىلادى 1670 - يىلى تەختكە چىقىپ، مىلادى 1695 - يىلى ئۆلگەن غالدان بوشۇقتۇخان كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
122 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئىسمائىل خان يەكەن خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۇلتانى بولۇپ، ئۇ ئاشۇ جايدا بايان قىلىنغاندەك ھىجرى 1022 - يىلى (مىلادى 1613 - يىلى) ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن بولماي، بەلكى ھىجرى 1093 - يىلى (مىلادى 1682 - يىلى) كۆچۈرۈلگەن ئىدى.
123 غالدان جىرىن — بۇ جايدا جۇڭغارلارنىڭ باشلىغى غالدان بوشۇقتۇخاننىڭ جىيەنى غالدان سىرىن كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
124 «سىيەر شېرىق» — بۇ مەۋلانا مۆمىنىددىن (98 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) تەرىپىدىن يېزىلغان «مەئاجىرىننەبۇۋەت» دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى بولۇپ، كىتاب جەمئىي تۆت بابقا بۆلۈنگەن، ئاساسەن پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. بۇ كىتابنى مۇھەممەت رەھىم دېگەن بىر ئادەم خوجا ئابدۇللا دېگەن بىر كىشىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.
125 غەۋسىيە — بۇ جايدا ئابدۇلقادىر جىلانى (مىلادى 1077 — 1166 - يىلى) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان قادىرىيە سۈلۈكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ئابدۇلقادىر جىلانى ۋە باشقا قادىرىيە پىرلىرى تارىختا يەنە “غەۋسۇل ئەززەم” دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان. شۇڭلاشقا قادىرىيە يەنە “غەۋسىيە” دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
126 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار، چۈنكى بۇرھانىددىن خوجا (چوڭ خوجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئالتە شەھەر (قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ، كۇچار) ھۆكۈمىتىگە ئىگە بولغان ۋاقتى، بۇ جايدا كۆرسىتىلگەندەك ھىجرى 1252 - يىلى (مىلادى 1836 — 1837 - يىلى) ئەمەس، بەلكى ھىجرى 1170 - يىلى (مىلادى 1756 — 1757 - يىلى) ئىدى.
127 ئاي جاڭجۈن — ئاپتورنىڭ بۇ جايدا كىمنى كۆزدە تۇتقانلىغى ئېنىق ئەمەس. بۇ چاغدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ جاھانگىر خوجىنى يوقىتىش ئىشىغا قاتناشقان قوشۇنلىرىغا ئىلى جاڭجۈنى چاڭ لىڭ، شەنشى - گەنسۇ باش ۋالىيسى ياڭ يۈي چۈن، سەندۇڭ شۈنفۇسى ۋۇلۇڭئا قاتارلىقلار قوماندانلىق قىلغان ئىدى.
128 مۇھەممەت ئەلى خان — مىلادى 18 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ كۈچەيگەن قوقان خانلىغىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، مىلادى 1822 - يىلى تەختكە چىققان. ئۆز زېمىنى شىمالدا سىر دەريا ۋادىسى، جەنۇبتا پامىر ئېگىزلىگى قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيتكەن. مىلادى 1842 - يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ تارىختا يەنە “مەدەلى خان” دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
129 تاۋاك خان — بۇ چاغدا جۇڭگو تارىخىدا مۇنداق ناملىق بىر پادىشاھنىڭ ئۆتكەنلىگى مەلۇم ئەمەس. ئاپتور بۇ جايدا تاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرىنى كۆزدە تۇتسا كېرەك. چۈنكى بەزى رىۋايەتلەردە ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى (مىلادى 618 — 907 - يىلى) دەۋرىدە جەنۇبىي جۇڭگو ئارقىلىق ئىچكى ئۆلكىلەرگە تارالغانلىغى ھەققىدە مەلۇماتلار بار.
130 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى يۇقىرىدا ئېيتىلغان رىۋايەتتىكى ئەككاش ناملىق ساھابىنىڭ بۈگۈردە ياكى جاڭيۈگۈەنگە يېقىنلاشقاندا ۋاپات بولغانلىغى، جاڭيۈگۈەندىن ئۆتكەندىن كېيىن ۋەققاس ناملىق ساھابىنىڭ ۋاپات بولغانلىغى بايان قىلىنغان. بۇ جايدا ۋاپات بولغان كىشى ۋەققاس ئەمەس بەلكى ئاس بولسا كېرەك. بىراق، ئىشەنچلىك تارىخىي ماتېرىياللاردا ۋەققاس، ئەككاش، ئاس قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگوغا كەلگەنلىگى ھەققىدە بىرەر ماتېرىيال كۆرۈلمىدى.
131 شى نەن فۇ — ئاپتورنىڭ بۇ جايدا 1856 - يىلى خۇيزۇ قوزغىلاڭلىرى پارتىلىغان شىنەن فۇ (غەربىي جەنۇبىي جۇڭگو) ياكى 1862 - يىلى قوزغىلاڭ پارتىلىغان شىنىڭ فۇ (ھازىرقى چىڭخەي ئۆلكىسى)نى كۆزدە تۇتقانلىغى ئېنىق ئەمەس.
132 ماخالۇڭ — ماخۇالۇڭ. جۇڭگو خۇيزۇلىرى جەھرىيە سۈلۈكىنىڭ 5 - ئەۋلات ئىمامى. گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىن جو (ھازىرقى لىن شيا) ۋىلايىتىنىڭ جىنجىباۋ قەلئەسىدە دۇنياغا كەلگەن. مىلادى 1846 - يىلى ئىماملىق دەرىجىسىگە ئولاشقان. 1862 - يىلى گەنسۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، مىلادى 1871 - يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
133 جىڭجۇفۇ — ئاپتور بۇ جايدا 1862 - يىلى خۇيزۇ دېھقانلار قوشۇنلىرى ئىگىلىۋالغان جىڭجۇ (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تىيەنشۇي ۋىلايىتى) دېگەن جاينى كۆزدە تۇتسا كېرەك. چۈنكى، بۇ شەھەر كېيىنچە شەنشى - گەنسۇ خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئاساسلىق بازىسى بولغان ئىدى.
134 ئۈسۈگكۈي يەنى چاڭ موزا - ئاپتور بۇ جايدا مىلادى 1851 - يىلى جەنۇبىي جۇڭگودا قوزغالغان تەيپىڭتيەنگو (چاڭ موزا) ئىنقىلاۋىنى كۆزدە تۇتسا كېرەك.
135 سۇدالىيە — ئاپتور بۇ جايدا بەلكى 1864 - يىلى ئۈرۈمچى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان سۆخوجاڭنى كۆزدە تۇتسا كېرەك. سۆخوجاڭ ئەسلى گەنسۇ ئۆلكىسى گەنجۇ ۋىلايىتىنىڭ (ھازىرقى جاڭيې ۋىلايىتىنىڭ) ۋالىيسى ئىدى.
136 شىيەن فېڭ — چىڭ سۇلالىسىنىڭ 7 - پادىشاھى چىڭ ۋېنزۇڭ — يى نىڭ. بۇ مىلادى 1851 - يىلى تەختكە چىقىپ، مىلادى 1861 - يىلى ۋاپات بولغان.
137 فەرەڭ — بۇ ئەسەردە “ياۋروپا” (ياۋروپالىقلار) سۆزىنىڭ ئەرەبچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان “ئىفرەنج” دېگەن ئاتالغۇنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، چاغاتاي تىلىدىكى ئەسەرلەردە ئومۇمەن ياۋروپالىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئەسەرلەردە پەقەت فرانسىيە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «تارىخى ھەمىدى»دە ئومۇمەن ئىنگلىيە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى بولسا “مەلىكەئى فەرەڭ” دېگەن نام بىلەن بايان قىلىنىدۇ.
138 مەۋلانا جالالىددىن رۇمى — ھىجرى 604 - يىلى (مىلادى 1207 — 1208 - يىلى) خوراساننىڭ بەلخ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. كېيىنچە دادىسى مەۋلانا باھائىددىن ۋەلىدكە ئەگىشىپ ئىراق، سۈرىيە، مەككە ۋە مەدىنە قاتارلىق جايلارغا ھىجرەتلىك تۇرمۇشىنى كۆچۈرۈپ، ئاخىرىدا سەلجۇق سۇلالىسىنىڭ كۇنىيە شەھىرىدە ۋەتەن تۇتقان. شۇڭلاشقا، ئۇ “رۇمى” تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن. جۈملىدىن تەرىقەتچىلەرنىڭ مەشھۇر پېشىۋاسىغا ئايلانغان. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە «دىۋان ئەشئارى» (30 مىڭ مىسرا)، «مەسنىۋى شېرىف» (47 مىڭ مىسرا) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ ئالەمگە تونۇلغان. ھىجرى 672 - يىلى (مىلادى 1273 — 1274 - يىلى) قۇنىيەدە ۋاپات بولغان.
139 ئەبۇ ھەفەس كۇبرا بۇخارى — (56 - ئىزاھاتقا قارالسۇن). تارىخىي ماتېرىياللاردا ئۇ ھىجرى 617 - يىلى (مىلادى 1220 - يىلى) ئەمەس، بەلكى 616 - يىلى (مىلادى 1219 - يىلى) ئۆلتۈرۈلگەن.
140 تاجىك — تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدا ئەرەب - پارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ نام بىلەن ئاتالغان. جۇڭگونىڭ خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلىرىدە بولسا ئەرەب مىللەتلىرى، بەزىدە ئابباسىيە سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئاپتور بۇ جايدا پارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ.
141 ياشلىق قىز — ئاپتور بۇ جايدا ئېپارخاننى كۆزدە تۇتسا كېرەك. چۈنكى، قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئېپارخان ھەققىدىكى قىسسىنىڭ بۇۋارىيەنتى ناھايىتى كەڭ تارقالغان
142 رەھمىتۇللا بېگ — مىلادى 1765 - يىلى پارتلىغان ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. ئۇ بۇ جايدا كۆرسىتىلگەندەك ئۇچتۇرپان ھاكىم بېگى بولماستىن، بەلكى ھاكىم بەگ ئابدۇللانىڭ قول ئاستىدىكى بىر كىچىك بەگ ئىدى. شۇ يىلى چىڭ سۇلالىسى كۈچلۈك قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنى رەھىمسىز باستۇرۇش بىلەن بىللە، رەھمىتۇللا بەگمۇ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
143 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى، رەھمىتۇللا بەگ باشچىلىغىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى “خاقانى چىنى يەتتە شەھەرنى تەسەررۈف قىلىپ ئون يەتتىنچى يىلى” يۈز بەرگەن بولماي، بەلكى 7 - يىلى (مىلادى 1765 - يىلى) يۈز بەرگەن ئىدى.
144 مەنسۇرخان — مىلادى 1348 - يىلى تۇغلۇق تېمۇرخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ 12 - سۇلتانى، يەنى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى بولۇپ، مىلادى 1503 - يىلدىن 1543 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
145 كۇھىستان — 67 - ئىزاھاتقا قارالسۇن.
146 كۇبرەۋىيە — مىلادى 13 - ئەسىردە ياشىغان خارەزملىك ئەبۇلجانىپ ئەھمەت بىننى ئۆمەر ئەلھېيۆقى ياكى شېيىخ نەجمىددىن كۇبرا (57 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان تەرىقەتچىلىك مەسلىكى بولۇپ، كېيىنچە ئەنە شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. مەشھۇر ئىران ئىسلام ئۆلىماسى نەجمىددىن رازي (مىلادى 1256 - يىلى ۋاپات بولغان). سەئىدىددىن ھەمەۋى (مىلادى 1252 - يىلى ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار، ئەنە شۇ شەيخ نەجمىددىن كۇبرانىڭ سادىق مۇرىتلىرى ۋە بۇ مەسلىكنى راۋاجلاندۇرغۇچىلاردۇر.
147 ئىسھاقىيە — مەخدۇمى ئەززەمنىڭ كىچىك ئوغلى خوجا ئىسھاق ۋەلىيۇللا (117 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان “قاراتاغلىق” (قاراتاغلىقلار) تەرىقەتچىلەر مەسلىكى “ئىسھاقىيە”، ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى خوجاكالان يەنى خوجا ئەخمەت كاسانى (مىلادى 1523 — 1620 - يىلى) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان “ئاق تاغلىق” (ئاق تاغلىقلار) تەرىقەتچىلەر مەسلىكى بولسا “ئىشقىيە” دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.
148 نېئمەتىيە — نەسەپ جەھەتتىن بۇخارالىق، ئۆزى ئىراننىڭ ماھان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن شاھ نېئمەتۇللا ۋەلى (مىلادى 1430 - يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان تەرىقەتچىلىك مەسلىكى بولۇپ، تۈپكى ئېتىقاد ۋە ئېتىقاد ئۇسۇلى جەھەتتىن قادىرىيە (110 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) ياكى غەۋسىيە (125 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) گۇرۇھىغا مەنسۇپ.
149 رەفائىيە — تۈپكى ئېتىقاد ۋە ئېتىقاد ئۇسۇلى تەرەپتىن قادىرىيە (110 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) ياكى غەۋسىيە (125 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) گۇرۇھىغا مەنسۇپ بىر تەرىقەتچىلىك مەسلىكى بولۇپ، ئەر ـ ئاياللارنىڭ بىر ماكاندا زىكرى ھەلقە قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ مەسلىكنى مىلادى 8 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ھازىرقى ئىراقنىڭ بەسرە دېگەن جايىدا ياشىغان رابىئەتۇل ئۆدەۋىيە ياكى تاجى رەجال دېگەن بىر ئايال تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان ئىكەن. كېيىنچە، ئۇنىڭ ئەقىدىلىرىنى قادىرىيە گۇرۇھى قوبۇل قىلىپ كېڭەيتكەن ۋە ئۇنى ئۆز قاراشلىرى بىلەن راۋاجلاندۇرغان ئىكەن. رابىئەتۇل ئۇرۇۋىيە ھىجرى 135 - يىلى (مىلادى 752 — 753 - يىلى) قۇددۇس شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
150 داۋانىيە — ئىراننىڭ داۋان دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن مۇھەممەت ئەسئەت بىننى سەئىدىددىن ئەسئەت جالالىددىن داۋانى (مىلادى 1502 - يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان بىر دىنى ئىدىيەۋى ئېقىم بولۇپ، كېيىنكى تەرقەتچىلەر ئۇنىڭ شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىنى تەرقەتچىلىك مەسلىگىگە سۆرەپ كىرىپ، قادىرىيە (110 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) مەسلىگىنىڭ تەركىبىدىكى بىر ئىدىيەۋى ئېقىم پەيدا قىلىپ، ئۇنى “داۋانىيە” دەپ ئاتىغان. داۋانى ئۆز ئۆمىرىدە «ئەخلاقى جالالى»، «ئىسپاتى ۋاجىپ»، «ھاشىيەئى شەمىسىيە»، «شەرھى ئەقائىد» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ «ئەخلاقى جالالى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇرچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان.
151 مىللەت سىراجىيە — ئاللاھنىڭ بىرلىگى، مۇھەممەتنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەڭ ئاخىرقى ئەلچى ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باشقا تارىختا ئۆتكەن بىرەر ئەۋلىيايى ئەززەم ياكى باشقا ئاتاقلىق زاتلارغا ئېتىقات قىلىشنى مەنى قىلىدىغان دىنى ئېقىم. بۇ ئېقىم تەرقەت مەسلىگىگە تۈپتىن قارشى بولۇپ، يەنە “شەرىئەت مۇستافاۋىيە” (مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
152 ئاللا يارسوپى — ئەسلى تۈركى قەۋمىگە مەنسۇپ بىر شائىر بولۇپ، ئۆز ئۆمىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىران، ئەرەپ مەملىكەتلىرىدە دەۋرىشلىك ساياھەت بىلەن ئۆتكۈزگەن.
153 بۇ جايدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى قوليازما «تەزكىرەئى ھەبىبۇللاخان غازى» ناملىق ئەسەردە، زاۋا رايونىدا ھاجى غەزىنىچى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ۋاپات بولغان كىشى ئىبراھىم خان سۇدۇر بولماستىن، بەلكى ھەبىبۇللا خاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئابدۇلراخمان پادىشا ئىدى.
154 لوشەي داربىن — تارىخى كىتاپلاردا چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ چاغىدا شىنجاڭغا ئەۋەتكەن قوماندانلىرىنىڭ ئىچىدە بۇ ناملىق بىر قومانداننىڭ بارلىغىنى ئۇچراتمىدۇق. ئاپتور بەلكى بۇ چاغدا شىنجاڭغا كەلگەن جاۋ خۇيتاڭ دېگەن سەرگەردىنى (لۆشۈەي داربىن) كۆزدە تۇتسا كېرەك.
155 ئىسپەندىيار رويىنتەن — ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى كىيانىيان سۇلالىسىنىڭ 5 - پادىشاھى بولۇپ، يۇنان ۋە ياۋروپا تارىخلىرىدا دارا (داريوس) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۇران رايونىدا ناھايىتى نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 550 - يىلى يۇنانغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشىدە مەغلۇپ بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 549 - يىلى مىسىردا ۋاپات بولغان ئىكەن. “رويىنتەن” ئۇنىڭ لەقىمى.
156 دەلاۋۇرى تۆھەمىتەن — “باتۇر تۆھەمىتەن” دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەسلىدە رۇستەمنىڭ (157 - ئىزاھاتقا قارالسۇن) لەقىمى ئىدى. لېكىن بۇ جايدا ئاپتور بۇ سۆزنى ئىسپەندىيارنىڭ “رويىنتەن” دېگەن لەقىمى بىلەن بىر ئورۇندا قويغان.
157 رۇستەم — «شاھنامە» دىكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇ ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى پىشدادىيان سۇلالىسىنىڭ فەرىدۇن ۋە مونوچەھرە زامانىدا تۇغۇلۇپ، كىيانىيان سۇلالىسىنىڭ كەيقۇباد، كەيكاۋۇس، ھەتتا كۆشتاسىپ، بەھمەن زامانىغىچە بولغان بىر قانچە يۈز يىل ياشىغان مەشھۇر قەھرىمان ئىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ تەربىيەچىسى بولغان سىياۋۇش (كەيكاۋۇسنىڭ ئوغلى) تۇران پادىشاھى ئەفراسىياپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە قېتىم قاتتىق جەڭلەرنى قىلغان. ئۇ بىر مەزگىل ئىراننىڭ سېستان رايونىدا ياشىغان. يەنە زەردەش دىنىنى قوبۇل قىلمىغانلىغى ئۈچۈن كىيانىيان پادىشاھلىرى، بولۇپمۇ بەھمەننىڭ قارشىلىغىغا دۇچار بولغان.
