1–10-ھەدىسلەر: ئىسلام ۋە ئىمان ئاساسلىرى
عَنْ أَمِيرِ المُؤمِنينَ أَبي حَفْصٍ عُمَرَ بْنِ الخَطَّابِ قَالَ : سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ ﷺ يَقُولُ : » إِنَّمَا الأَعْمَالُ بِالنِّيَّاتِ ، وَإنَّمَا لِكُلِّ امْرِىءٍ مَا نَوَى ، فَمَنْ كَانَتْ هِجْرَتُهُ إِلى اللهِ وَرَسُوله فَهِجْرتُهُ إلى اللهِ وَرَسُوُله ، وَمَنْ كَانَتْ هِجْرَتُهُ لِدُنْيَا يُصِيْبُهَا ، أَو امْرأَةٍ يَنْكِحُهَا ، فَهِجْرَتُهُ إِلى مَا هَاجَرَ إلَيْهِ «
مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ئەبى ھەفس ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر. ھەر كىشى نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ. كىمنىڭ ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن بولغان بولىدۇ. كىمنىڭ ھىجرىتى قولغا كەلتۈرىدىغان بىر دۇنيالىق نەرسە ياكى نىكاھلىنىدىغان بىر ئايال ئۈچۈن بولغان بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى ئۆزى ھىجرەت قىلغان نەرسىگە بولىدۇ.» (بۇخارى 1، مۇسلىم 1907)
نىيەت
«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر» يەنى، ھەر قانداق ئەمەلدە چوقۇم بىر نىيەت بولىدۇ. ئەقلى جايىدا ۋە ھۆر بىر ئىساننىڭ ئىش-پائالىيىتىنىڭ ئارقىسىدا مۇتلەق بىر ئىرادە بولىدۇ، ئىرادە نىيەتتۇر. ھەر قانداق ئەمەلنى قىلغۇچى ئۇ ئەمەلنى چوقۇم بىر نىيەت بىلەن قىلىدۇ. بىراق، نىيەتلەر پەرقلىق بولىدۇ. ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ بىر-بىرىدىن ئۇزاق بولغىنىغا ئوخشاش، بىر-بىرىگە زىت نىيەتلەر مەۋجۇتتۇر.
بەزى كىشىلەرنىڭ نىيىتى ئەڭ ئەۋزەل نەرسىلەردە بولىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ نىيىتى تولىمۇ تۆۋەن ۋە قىممىتى يوق، پۈچەك نەرسىلەردە بولىدۇ. ئەھۋال شۇ دەرىجىدىكى، ئوخشاش بىر ئەمەلنى باشتىن ئاخىرىغىچە بىللە قىلغان، ھەرىكىتى، سۆزى بىر-بىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولغان ئىككى كىشىنى كۆرىسىز. ئەمما، نىيىتىنىڭ پەرقلىق بولۇشى سەۋەبى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئاسمان بىلەن زېمىندەك پەرق مەۋجۇت.
«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر. ھەر كىشى نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ.» يەنى، شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەللەر ئارقىلىق ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت سائادىتىنى نىيەت قىلسىڭىز، بۇنىڭغا يېتەلەيسىز. شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەللەرنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ دۇنياۋى مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى نىيەت قىلسىڭىز بۇنىڭغا ئېرىشەلىشىڭىزمۇ، ئېرىشەلمەسلىكىڭىزمۇ مۇمكىن.
ھىجرەت
ھىجرەت كىشىنىڭ كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا كۆچۈشىدۇر. مەسىلەن، ئامېرىكىدا — ئامېرىكا كۇفۇر دىيارىدۇر — ياشاپ مۇسۇلمان بولغان بىر ئادەم، ئۇ يەردە دىنىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ ياشاشقا قادىر بولالمىسا، دىنىغا چەكلىمىسىز ھالدا تولۇق ئەمەل قىلالايدىغان ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ.
ھىجرەت ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: (1) ماكاندىن ھىجرەت؛ (2) ئەمەلدىن ھىجرەت؛ (3) يامان ئىش قىلغۇچىدىن ھىجرەت قاتارلىقلاردۇر.
(1) ماكاندىن ھىجرەت:
بۇ، كىشىنىڭ گۇناھلار ۋە كۇفۇر كەڭ تارقالغان بىر ماكاننى تەرك ئېتىپ، بۇ خىل يامانلىقلار يوق يەرگە يۆتكىلشىىدۇر. ماكاندىن ھىجرەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى — كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا كۆچۈشتۇر.
ئىسلام ئالىملىرى دىنىغا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا تولۇق ئەمەل قىلالمايدىغان كىشىنىڭ كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا كۆچۈشىنىڭ پەرز بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بىراق، كۇفۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمان دىنىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تولۇق ئەمەل قىلالىسا ۋە ئىسلام شەرىئىتىنى ئورۇنداشتا بىر چەكلىمە، پۇتلىكاشاڭغا ئۇچرىمىسا، بۇ مۇسۇلماننىڭ ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشى پەرز ئەمەس، مۇستەھەپ (قىلىشى ياخشى، قىلماسلىقى گۇناھ بولمايدىغان ئەمەل) بولىدۇ. كىشىنىڭ ۋەتىنى كۇفۇر دىيارى بولسا ۋە دىنىغا ئوچۇق ئاشكارا، چەكلىمىسىز ھالدا ئەمەل قىلالمىسا، بۇنداق كىشىگە ئۇ يەرنى تەرك ئېتىپ، ھىجرەت قىلىشى پەرز بولىدۇ.
كۇفۇر دىيارىغا ساياھەت ئۈچۈن بېرىش دۇرۇس ئەمەس (شەيخ بۇ ھەدىسنى شەرھلەش جەريانىدا، بۇ مەسىلە ھەققىدىمۇ توخالغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ ھەجمىنىڭ ئۇزراپ كېتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىرىق ھەدىسنى تولۇق ئوقۇماستىن يېرىم يولدا توختاپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ پەتىۋانىڭ مەزمۇنى «مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى» تورىمىزغا قويۇلدى. [mujtehid.blogspot.com] قىززىقۇچىلار يۇقىرىقى تېما بويىچە گۇگلدىن ياكى مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورىدىن ئىزدەش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئېرىشەلەيدۇ.)
(2) ئەمەلدىن ھىجرەت:
ئەمەلدىن ھىجرەت — كىشىنىڭ ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھلىق ئىشلارنى تەرك ئېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسى مۇشۇ نۇقتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ:«مۇسۇلمان — مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ تىلىنىڭ ۋە قولىنىڭ زىيىنىدىن خاتىرجەم بولغۇچىدۇر. مۇھاجىر — ئاللاھنىڭ چەكلىگەنلىرىدىن (ئۇ چەكلىمىلەرنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق) ھىجرەت قىلغۇچىدۇر.»(بۇخارى 6484؛ مۇسلىم 41)
(3) يامان ئىش قىلغۇچىدىن ھىجرەت:
بەزىدە مەلۇم بىر ھارام ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇ ئەمەلگە چۆكۈپ كەتكۈچىدىن ھىجرەت قىلىش (ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش) پەرز بولىدۇ. ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا گۇناھ قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۇ گۇناھنى كۆرۈشىگە پىسەنت قىلمايدىغان كىشى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش — بىر پايدا بېرىدىغان تەقدىردە دۇرۇستۇر.
بۇ يەردىكى پايدا، تاشلىۋېتىلگەن كىشىنىڭ خاتا ئىشىنى تونۇپ، گۇناھتىن يېنىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئەقىدىسىدە، چوڭ كۇفۇر سىرتىدىكى گۇناھلار كىشىنى دىندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى، 1-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى؛ تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن شەيخنىڭ «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلغايسىز. بۇ ئەسەر تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىدى.)
كۆرۈنۈش جەھەتتە بىر بىرىگە ئوخشايدىغان بارچە ئەمەللەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان نەرسە نىيەتتۇر.
مۇكەللەف قىلغان ئەمىلىدىن پەقەتلا نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ. (قۇرئان سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا، پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىرەر ئەمەلنى قىلسا، بۇ ئەمەلنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە بولغان تەقدىردە، ئۆزى نىيەت قىلغان پۈچەك غايىسىگە ئېرىشىشمۇ، ئېرىشەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.) [مۇكەللەف — بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلىنى يوقىتىش، ھۆرلۈكىدىن مەھرۇم قېلىش ياكى بەدەن سېزىمىنى يوقىتىش … قاتارلىق ئىللەتلەردىن خالىي بولغان، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇندىشى پەرز بولغان مۇسۇلماننى كۆرسىتىدۇ.]
ئىبادەت مەقسەت قىلىنغان ئەمەللەردە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش پەرز.
ئىبادەت مەقسەت قىلىنغان ئەمىلىنى ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن قىلىش ھارام.
* شىرك دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكى چىقىدۇ.
ھىجرەتتە ئىخلاس پەرز. بۇ ھىجرەتنىڭ ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات چېغىدا رەسۇلۇللاھقا بولۇشىنى، رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغان كېيىن، ھىجرەتنىڭ ئۇنىڭ دىنىغا ۋە سۈننىتىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
كىم ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلاردا دۇنيالىق مەنپەئەتنى نىيەت قىلىپ ئەمەل قىلسا، ئەمىلىدىن پەقەتلا – ئاللاھ خالىغان تەقدىردە – نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ.
(ئاللاھقا ئىخلاسلىق بولمىغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان، مۇشۇ ئىككى شەرتنى ھازىرلىمىغان ھەر قانداق ئەمەل ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولمايدۇ.)
بۇ ھەدىستە دۇنيانىڭ ۋە دۇنياۋى ئارزۇ ئىستەكلەرنىڭ ئەرزىمەس نەرسىلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەنگەن. چۈنكى ھەدىستىكى «ئۇنىڭ ھىجرىتى ئۆزى ھىجرەت قىلغان نەرسىگە بولىدۇ» جۈملىسىدە، دۇنيالىق مەنپەئەت ئۈچۈن ھىجرەت قىلغۇچىنىڭ قولغا كەلتۈرىدىغانلىرى يوشۇرۇن ۋە نائېنىق ھالەتتە قويۇپ قويۇلغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ھىجرەت قىلغۇچىنىڭ قولغا كەلتۈرىدىغانلىرى ئوچۇق ھالەتتە بايان قىلىنغان. (شەيخ ئابدۇراھمان ئىبنى ناسىر بارراك «قىرىق ھەدىستىن پايدىلار») [بىز ئۇيغۇرچە قىسقارتىپ يۇقىرقىدەك ئاتىغان بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەبچە نامى:الفَوَائِدُ المُسْتَنْبَطَةُ مِنْ الْأَرْبَعِينَ النَّوَوِيَّةِ وَتَتِمَّتِهَا الرَّجَبِيَّةِ ]
عَنْ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ تَعَالَى عَنْهُ أقَال : بَيْنَمَا نَحْنُ جُلُوْسٌ عِنْدَ رَسُولِ اللهِ ذَاتَ يَوْمٍ إَذْ طَلَعَ عَلَيْناَ رَجُلٌ شَدِيْدُ بَيَاضِ الثّياب شَدِيْدُ سَوَادِ الشَّعْرِ لاَ يُرَى عَلَيهِ أَثَرُ السَّفَرِ وَلاَ يَعْرِفُهُ مِنا أحَدٌ حَتى جَلَسَ إلَى النبِي فَأَسْنَدَ رُكْبَتَيْهِ إلَى رُكْبَتَيْهِ وَوَضَعَ كَفيْهِ عَلَى فَخِذِيْهِ وَقَالَ : يَا مُحَمَّدُ أَخْبِرْنِي عَنِ الإِسْلاَم ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : » الإِسْلاَمُ أَنْ تَشْهَدَ أَنْ لاَ إلَه إلاَّ اللهُ وَأَنَّ مُحَمَّدَاً رَسُولُ الله ، وَتُقِيْمَ الصَّلاَة ، وَتُؤْتِيَ الزَّكَاةَ ، وَتَصُوْمَ رَمَضَانَ ، وَتَحُجَّ البيْتَ إِنِ اِسْتَطَعتَ إِليْهِ سَبِيْلاً » قَالَ: صَدَقْتَ. فَعجِبْنَا لَهُ يَسْأَلُهُ وَيُصَدِّقُهُ، قَالَ: فَأَخْبِرِنيْ عَنِ الإِيْمَانِ، قَالَ: » أَنْ تُؤمِنَ بِالله، وَمَلاِئكَتِه، وَكُتُبِهِ ، وَرُسُلِهِ ، وَالْيَومِ الآَخِر ، وَتُؤْمِنَ بِالقَدَرِ خَيْرِهِ وَشَرِّهِ » قَالَ: صَدَقْتَ، قَالَ فَأخْبِرْنِيْ عَنِ الإِحْسَانِ، قَالَ: » أَنْ تَعْبُدَ اللهَ كَأَنَكَ تَرَاهُ، فَإِنْ لمْ تَكُنْ تَرَاهُ فَإِنَّهُ يَرَاكَ » . قَالَ: فَأَخْبِرْنِي عَنِ السَّاعَةِ ، قَالَ : » مَا الْمَسئُوُلُ عَنْهَا بِأَعْلَمَ مِنَ السَّائِلِ » قَالَ : فَأخْبِرْنِيْ عَنْ أَمَارَاتِها ، قَالَ : » أَنْ تَلِدَ الأَمَةُ رَبَّتَهَا ، وَأَنْ تَرى الحُفَاةَ العُرَاةَ العَالَةَ رِعَاءَ الشَّاءِ يَتَطَاوَلُوْنَ فِي البُنْيَانِ » ثْمَّ انْطَلَقَ فَلَبِثتُ مَلِيَّاً ثُمَّ قَالَ : » يَا عُمَرُ أَتَدْرِي مَنِ السَّائِلُ؟ » قُلْتُ اللهُ وَرَسُوله أَعْلَمُ قَالَ : » فَإِنَّهُ جِبْرِيْلُ أَتَاكُمْ يُعَلَّمُكُمْ دِيْنَكُمْ «
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئارىمىزدا ئولتۇرغان بىر كۈنى كىيىملىرى ئاپئاق، چاچلىرى قاپقارا، ئۈستى بېشىدىن يولۇچىلىقتىن ھېچبىر ئەسەر كۆرۈنمەيدىغان، بىزنىڭ ئارىمىزدىكىلەردىن ھېچقايسىمىز تونۇمايدىغان بىر كىشى يېتىپ كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى. تىزلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ تىزلىرىغا تەگكۈزۈپ، ئىككى قولىنى ئۆزىنىڭ ئىككى يوتىسىغا قويدى. ئاندىن «ئى مۇھەممەد، ماڭا ئىسلامدىن خەۋەر بەرگىن!» دېدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىسلام — دەپ شاھادەت ئېيتىشىڭ، نامازلارنى كامىل ئادا قىلىشىڭ، زاكاتنى بېرىشىڭ، رامزان روزىسىنى تۇتۇشۇڭ، قادىر بولالىساڭ بەيتۇللاھنى ھەج قىلىشىڭدۇر» دېۋىدى، ئۇ كىشى «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى. (بۇ ھەدىسنى بايان قىلىۋاتقان) ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى:«بۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھتىن سوئال سوراپ، ئارقىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ جاۋابىنى تەستىقلىشىدىن ھەيران قېلىشتۇق.»
ئاندىن ئۇ كىشى مۇنداق دېدى:«ماڭا ئىماننى بايان قىلىپ بەرگىن!» رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىمان — ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ، ياخشىلىقى ۋە يامانلىقى بىلەن تەقدىرگە ئىشىنىشىڭدۇر» دېدى. ئۇ كىشى «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى. ئاندىن «ماڭا ئېھساندىن خەۋەر بەرگىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئېھسان دېگەن — ئاللاھقا ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر. سەن ئاللاھنى كۆرەلمىگىنىڭ بىلەن، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېدى. ئۇ كىشى «ماڭا قىيامەتتىن خەۋەر بەرگىن!» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سورالغۇچى بۇ جەھەتتىە سورىغۇچىدىن بىلىملىك ئەمەس» دېدى. ئۇ كىشى «ئۇنداقتا ماڭا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بەرگىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى؛ يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ ۋە نامرات پادىچىلارنىڭ ئېگىز ئىمارەتلەرنى سېلىشتا بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكىنىنى كۆرۈشۈڭ (قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر)» دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كىشى قوپۇپ كېتىپ قالدى. بۇنىڭدىن بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئى ئۆمەر! سوئال سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى. مەن «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر» دېدىم. رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇ (پەرىشتە) جىبرىئىلدۇر. سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى» دېدى. (مۇسلىم 1128)
* بۇ دىننىڭ ئېتىقادى ۋە ئەمەل ئاساسلىرىنى بىر يەرگە جۇغلىغان ھەدىستۇر. بۇ ھەدىستىكى بەزى پايدىلار تۆۋەندىكىچە:
* ۋەھىينىڭ كېلىش يوللىرىدىن بىرى پەرىشتىنىڭ ئادەم شەكلىدە كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن پاراڭلىشىشىدۇر.
* پەرىشتىلەرنىڭ ئادەم شەكلىگە كىرەلەيدىغانلىقى.
* كىشىنىڭ ئىلىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالىملار بار سورۇندا ئۆزى بىلىدىغان مەسىلە ھەققىدە ئۇلاردىن سوئال سوراشنىڭ دۇرۇسلۇقى.
* ئالىمنىڭ جاھىلنىڭ جاپا ۋە ئەزىيىتىگە سەبر قىلىشى. بۇنى «ئەي مۇھەممەد» دېگەن سۆزدىن (ئەسلىدە ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ چاقىرىشى كېرەك) ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ھەدىدىن زىيادە يېقىنلىشىشىدىن بىلەلەيمىز.
* دىندىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە ۋە دىننىڭ ئاساسىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى.
* ئىماننىڭ ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى جەھەتتە (ھەدىستىكى) رەت تەرتىپكە بىنائەن باشلىشى. (مەسىلەن، ئەڭ ئاۋۋال تەۋھىد-ئەقىدىدىكى ئاساسلارنى ئۆگىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامازنى ئۆگىنىش…دېگەندەك. شۇنداقلا، ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھنى توغرا رەۋىشتە تونۇشقا كۈچەش، ئاندىن پەرىشتىلىرىنى، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى تونۇشقا كۈچەش … دېگەندەك. تەۋھىد-ئەقىدىدە مۇئەييەن ئۇل ئاساس ھازىرلىمايلا – مەسىلەن – تاھارەتتىكى ئىنچىكە مەسىلىلەر، ھەج فىقھى دېگەنلەرگە چۈشۈپ كەتمەسلىك.)
* ئىمان بىلەن ئىسلام بىرلىكتە تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرق ھەدىستە بايان قىلىنغاندەكتۇر.
* ئىسلام (ئىسمىنىڭ) زاھىرى ئەمەللەرگە، ئىمان (ئىسمىنىڭ) قەلبتىكى ئېتىقادقا خاس ئىكەنلىكى.
* دىننىڭ ئاساسىنىڭ مۇتلەق مەنادا لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇر-رەسۇلۇللاھ شاھادىتى ئىكەنلىكى. (بۇ سەۋەبلىك، بۇ شاھادەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى، تەلەپ تەقەززاسىنى ئەھلى سۈننەتنىڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى.)
* ئىككى شاھادەتنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى. بۇنىڭغا بىنائەن، بۇ ئىككى شاھادەتنىڭ يالغۇزلا بىرى يەنە بىرى بولمىغۇچە سەھىھ (توغرا) بولمايدۇ.
* ئاللاھنىڭ ئىبادەت (ئۇلۇھىيەت) ئارقىلىق بىر دەپ ئېتىقاد قىلىنىشى، ئاللاھتىن باشقا بارچە مەبۇدلارنىڭ باتىللىقى.
* ئىككى شاھادەتتىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرزلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىسلامنىڭ رۇكنلىرىنىڭ (ئاساسلىرىنىڭ) ئەڭ چوڭى بەش ۋاقىت نامازدۇر.
* ئىماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ ئالتە ئىكەنلىكى.
* ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆلۈمدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ ھەمىسىگە ئىمان ئېيتىش ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
* تەقدىرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق تۈرىدىن بولغان بارچە ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.
* بۇ ھەدىستە دىننىڭ دەرىجىلىرى بايان قىلىغان ۋە ئۇلار تۆۋەن مەرتىۋىدىن يۇقىرى مەرتىۋىگە قاراپ باسقۇچمۇ باسقۇچ بايان قىلىنغان. يەنى ئاۋۋال ئىسلام، ئاندىن ئىمان، ئاندىن ئېھسان. بۇنىڭغا بىنائەن، ھەر مۇھسىن مۆمىندۇر. ھەر مۆمىن مۇسۇلماندۇر. ئەمما، بۇنىڭ ئەكسى ئۇنداق ئەمەس. (مۇسۇلمان بولغانلىكى كىشى مۆمىن بولىۋەرمەيدۇ، مۆمىن بولغانلىكى كىشى مۇھسىن — ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىدىغان ۋە شۇنداق ياشايدىغان، تەقۋا ۋە سالىھ كىشى — بولالمايدۇ. ئالللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىرىشقان تەقدىردە، ئاللاھ ئىرادە قىلسا بولالايدۇ.)
* ئاللاھنى كۆرۈشنىڭ ئىسپاتى. (بۇ كۆرۈش قىيامەتتە ۋە جەننەتتە مۆمىنلەرگە خاستۇر)
* ئاللاھنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى زېھنىدە جانلىق ھالەتتە تۇتۇشنىڭ كىشىنى سالىھ ئەمەل ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى.
* قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك پەرىشتىلىرىمۇ، ياكى بىرەر پەيغەمبىرىمۇ قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. جىبرىل پەرىشتىمۇ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
* قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش دىن جۈملىسىدىندۇر. شۇنداقلا، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلىش ۋە ئۆگىنىشمۇ دىننىڭ جۈملىسىدىندۇر. (مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى بلوگىمىزدا ئەللامە ئىبنى بازنىڭ «قىيامەتنىڭ ئون چوڭ ئالامىتى» دېگەن پەتىۋاسى مەۋجۇت. مۇشۇ تېمىنى گۇگۇلدىن ئىزدىسىڭىزمۇ بلوگىمىزدىن چىقىرىپ بېرىدۇ.)
* قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلىرى بار. ھەدىستە بۇ ھەقتىكى ئالامەتلەردىن ئىككى ئالامەت بايان قىلىنغان. بۇلاردىن بىرى، دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى ۋە بەدەۋى — چۆل ئەرەپلىرى —نىڭ ئېگىز بىنا سېلىش بىلەن بەسلشىشى. بۇ ئالامەت، بەدەۋىلەرنىڭ كۆچمەنلىك ھاياتىنى تاشلاپ، شەھەرلەرگە يەرلىشىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك مەيدانغا چىقىدۇ.
* ئەسىر ۋە قۇللارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، بىر پەرزەنت — بىلمەستىن — ئانىسىنى قۇل ئورنىدا سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ خوجايىنى بولىدۇ. (مانا بۇ ھەدىستىكى «دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇغقان چاغدا…» جۈملىسىنىڭ شەرھىدۇر.)
عَنْ أَبِيْ عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدِ اللهِ بْنِ عُمَرَ بْن الخَطَّابِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ: سَمِعْتُ النبي ﷺ يَقُوْلُ: » بُنِيَ الإِسْلامُ عَلَى خَمْسٍ: شَهَادَةِ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ الله وَأَنَّ مُحَمَّدَاً رَسُوْلُ اللهِ، وَإِقَامِ الصَّلاةِ، وَإِيْتَاءِ الزَّكَاةِ، وَحَجِّ البِيْتِ، وَصَوْمِ رَمَضَانَ «
ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:
«ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. (ئۇلار) ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىنى گۇۋاھلىق بېرىش، نامازلارنى ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش، رامزان روزىسىنى تۇتۇشتۇر.» (بۇخارى 8؛ مۇسلىم 16)
عَنْ عَبْدِ اللهِ بنِ مَسْعُوْدْ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: حَدَّثَنَا رَسُوْلُ اللهِ ﷺ وَهُوَ الصَّادِقُ المَصْدُوْقُ : » إِنَّ أَحَدَكُمْ يُجْمَعُ خَلْقُهُ فِيْ بَطْنِ أُمِّهِ أَرْبَعِيْنَ يَوْمَاً نُطْفَةً، ثُمَّ يَكُوْنُ عَلَقَةً مِثْلَ ذَلِكَ،ثُمَّ يَكُوْنُ مُضْغَةً مِثْلَ ذَلِكَ،ثُمَّ يُرْسَلُ إِلَيْهِ المَلَكُ فَيَنفُخُ فِيْهِ الرٌّوْحَ،وَيَؤْمَرُ بِأَرْبَعِ كَلِمَاتٍ: بِكَتْبِ رِزْقِهِ وَأَجَلِهِ وَعَمَلِهِ وَشَقِيٌّ أَوْ سَعِيْدٌ. فَوَالله الَّذِي لاَ إِلَهَ غَيْرُهُ إِنََّ أَحَدَكُمْ لَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ الجَنَّةِ حَتَّى مَا يَكُوْنُ بَيْنَهُ وَبَيْنَهَا إلاذِرَاعٌ فَيَسْبِقُ عَلَيْهِ الكِتَابُ فَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ النَّارِ فَيَدْخُلُهَا، وَإِنَّ أَحَدَكُمْ لَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ النَّارِ حَتَّى مَايَكُونُ بَيْنَهُ وَبَيْنَهَا إلا ذِرَاعٌ فَيَسْبِقُ عَلَيْهِ الكِتَابُ فَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ الجَنَّةِ فَيَدْخُلُهَا «
ئەبى ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىزگە توغرا سۆزلۈك ۋە توغرا سۆزلۈك ئىكەنلىكى تەستىقلانغۇچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى: «شۈبىھسىزكى، سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا يارىتىلىشى قىرىق كۈندە ئىسپىرما ھالىتىدە بىر يەرگە جۇغلىنىدۇ. ئاندىن شۇنىڭدىن قىرىق كۈن كېيىن ئۇيۇل قان بولىدۇ. يەنە قىرىق كۈندىن كېيىن بىر چىشلەم چوڭلۇقتىكى گۆش پارچىسى بولىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا روھىنى پۈۋلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ رىزىقىنى، ئەجىلىنى، ئەمىلىنى، بەدبەخت ياكى سائادەتمەن بولىدىغانلىقىنى يېزىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئۆزىدىن باشقا ھەق ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەردىن بىرى جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، ئاقىۋەتتە ئۆزى بىلەن جەننەت ئارىىسدا پەقەتلا بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇنىڭغا يېزىلغىنى ئۈستۈن كېلىپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ دوزاخقا كىرىدۇ. شۇنداقلا، سىلەردىن بىرىڭلار دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلى بىلەن ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۆزى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا پەقەتلا بىر غۇلاچ ئارىلىق قالىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭغا يېزىلغىنى ئۈستۈن كېلىدۇ ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلى بىلەن ئەمەل قىلىپ، جەننەتكە كىرىدۇ.» (بۇخارى 3036؛ مۇسلىم 2643)
* ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىنساننىڭ ئانا قورسىقىدا قەدەم باسقۇچلار بويىچە يېتىلىدىغانلىقى ھەج ۋە مۇئمىنۇن سۈرىلىرىدىكى ئىككى ئايەتتە ئومۇمىي ھالەتتە بايان قىلغان. باشقا نۇرغۇن ھالەتتە ئايرىم-ئايرىم بايان قىلغان.
* ھامىلىنىڭ شەكىلگە كىرگۈزۈلىشى، ئۇنىڭغا روھنىڭ پۈۋلىنىشى ۋە تەقدىرىنىڭ يېزىلىشى قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغان مۇئەييەن پەرىشتە ياكى پەرىشتىلەر بار.
* ئىنساننىڭ بەدىنىنىڭ روھىدىن بۇرۇن يارىتىلىدىغانلىقى. روھنىڭ بەدەنگەن ھامىلە 120 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىن پۈۋلىنىدىغانلىقى.
* ئىنساننىڭ قانداق بولۇشىنىڭ، رىزقىنىڭ، ئەجىلىنىڭ، ئەمىلىنىڭ، بەدبەخت ياكى سائادەتمەن بولۇشىنىڭ ئىنسانغا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدا تەقدىر قىلىنىدىغانلىقى. بۇ خۇسۇسىي تەقدىردۇر. لەۋھۇل مەھفۇزدىكى تۇنجى ۋە ئومۇمىي تەقدىرگە زىت ئەمەس. بۇ تەقدىر ئىشلارنىڭ سەۋەبلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغىمۇ زىت ئەمەس.
* پەرىشتىلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئاللاھ بىلدۈرمىگۈچە بىلمەيدىغانلىقى، بۇ تەقدىرنى پەقەت ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەنلا يازىدىغانلىقى.
* ئىساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ ھەم ئاشكارا، ھەم مەخپىي سەۋەبلەرگە باغلىق ئىكەنلىكى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سەۋەبلەرنىڭ ۋە نەتىجىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ھەقىقىي ياراتقۇچى ئاللاھتۇر.
* تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ ۋاجىپلىقى.
* ئەمەللەرنىڭ ئاخىرقى ھالىتىدىكىسى بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقى.
* يامان ئاقىۋەتتىن قورقۇشنىڭ ۋە يامان ئاقىۋەتكە يول ئاچىدىغان سەۋەبلەردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.
* (ئاللاھ بەندىنىڭ قىلمىشىنى ئۇ قىلمىش ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئىنسان يارتىلىشتىن بۇرۇن، باشلىنىشى بولمىغان ئاۋۋالقى چاغدىن باشلاپلا بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈشكە يېقىن قالغۇچە جەننەتنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ، ئۆلۈشكە يېقىن ئەسلىدىكى توغرا ئېتىقاد ۋە ئەمىلىدىن ۋاز كېچىپ، دىندىن چىقىپ شەيتاننىڭ يولىغا كىرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشىتىن بۇرۇن، كائىناتنى يارىتىشتىن بۇرۇن، باشلىنىشى يوق ئاۋۋالقى چاغدىن باشلاپلا بىلىدۇ. ئۇ بەندىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەچكە، پەرىشتىگە شۇنى يېزىشنى بۇيرۇيدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ بەندىنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە ئاللاھنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئەمەس. بەندە ئىش ھەرىكىتىنى تاللاشتا ئەركىنلىككە ئىگە. ئاللاھ ئۇنى ھەر قانداق ئەمەلگە مەجبۇرلىمايدۇ، ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىدۇ. تەۋھىد ئۈستىدە ئۆلۈپ جەننەتكە كىرىدۇ. ياكى شىرك، كۇفۇر ئۈستىدە ئۆلۈپ دوزاخقا كىرىدۇ. ۋە ياكى تەۋھىد ئۈستىدە ئۆلگەن بولسىمۇ، ياخشى ئەمىلى ئاز، يامان ئەمىلى كۆپ، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئەمەللىرىنى كەچۈرمىگەن تەقدىردىمۇ دوزاخقا كىرىپ گۇناھى مىقدارىدا جازالىنىپ، ئاندىن جەننەتكە كىرگۈزىلىدۇ. ئاللاھ ئالدىن بىلىپ، ئالدىن يېزىپ قويىدۇ. بىر ئۇستا تىۋىپ بىمارنىڭ قولىغا كۆپ ئۇخلىسىڭىز ھورۇنلىشىپ، بەدىنىڭىز ئاجىزلاپ كېتىدۇ دەپ يېزىپ بەرسە. بىمار راست دېگەندەك كۆپ ئۇخلاپ ھورۇن ۋە ئاجىز بولۇپ قالسا، بېرىپ دوختۇرغا ئۇششۇغلۇق قىلىپ، سىز مۇشۇنداق يازغاچقا مەن سىز دېگەندەك بولۇپ قالدىم دېسە قاملىشامدۇ؟)
* ياخشى ئاقىۋەتكە يول ئاچىدىغان سەۋەپلەرنى قىلىشنىڭ پەرزلىكى.
* پەرىشتىنىڭ روھنى ئىنسانغا پۈۋلەيدىغانلىقى. بۇ پۈۋلەشنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ پۈۋلەشنىڭ قۇرئاندىكى دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:{بىز ئۇنىڭغا روھنى پۈۋلىدۇق}(ئەنبىيا سۈرىسى، 91-ئايەت) پۈۋلەشتىن مۇراد، پەرىشتىنىڭ بالىياتقۇ تەرەپتىن پۈۋلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
عَنْ أُمِّ المُؤمِنِينَ أُمِّ عَبْدِ اللهِ عَائِشَةَ – رَضِيَ اللهُ عَنْهَا – قَالَتْ: قَالَ رَسُوْلُ اللهِ : مَنْ أَحْدَثَ فِيْ أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ مِنْهُ فَهُوَ رَدٌّ » رواه البخاري ومسلم، وفي رواية لمسلم » مَنْ عَمِلَ عَمَلاً لَيْسَ عَلَيْهِ أَمْرُنَا فَهُوَ رَدٌّ
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ئابدۇللاھ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىزنىڭ بۇ دىنىمىزدا ئۇنىڭدا بولمىغان بىر ئىشنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» (بۇخارى 2697؛ مۇسلىم 1718)
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«كىمكى دىنىمىزدا بولمىغان ئەمەلنى قىلسا، ئۇ ئەمەل رەت قىلىنىدۇ.»
بۇ ھەدىس دىننىڭ ئاساسلىرىدىن بىر ئاساستۇر. ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدىكى ئېتىقاد، ئەمەللەر ۋە سۆزلەر ئۈچۈن بىر مىزاندۇر. بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىدەك:
* ئاللاھ ئىزىن بەرمىگەن، دىندا ئويدۇرۇلۇپ چىقىىرلغان ھەر يېڭىلىق باتىلدۇر ۋە رەت قىلىنىدۇ.
* مەيلى ئېتىقادىي بىدئەت بولسۇن، مەيلى ئەمەل جەھەتتىكى بىدئەت بولسۇن، بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ باتىل ئىكەنلىكى.
* ھەدىستە بىدئەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئالدىن بېشارەت بار.
* دىندا بىدئەت چىقىرىشىنىڭ سۆكۈلۈپ، ئەيىبلىنىدىغانلىقى.
* (دىندىن سانىلىپ، ئىبادەت دەپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە قىلىنمىغان ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ بىدئەتتۇر.)
عَنْ أَبِيْ عَبْدِ اللهِ النُّعْمَانِ بْنِ بِشِيْر رضي الله عنهما قَالَ: سَمِعْتُ رَسُوْلَ اللهِ ﷺ يَقُوْلُ: إِنَّ الحَلالَ بَيِّنٌ وَإِنَّ الحَرَامَ بَيِّنٌ وَبَيْنَهُمَا أُمُوْرٌ مُشْتَبِهَات لاَ يَعْلَمُهُنَّ كَثِيْرٌ مِنَ النَّاس،ِ فَمَنِ اتَّقَى الشُّبُهَاتِ فَقَدِ اسْتَبْرأَ لِدِيْنِهِ وعِرْضِه، وَمَنْ وَقَعَ فِي الشُّبُهَاتِ وَقَعَ فِي الحَرَامِ كَالرَّاعِي يَرْعَى حَوْلَ الحِمَى يُوشِكُ أَنْ يَقَعَ فِيْهِ. أَلا وَإِنَّ لِكُلِّ مَلِكٍ حِمَىً . أَلا وَإِنَّ حِمَى اللهِ مَحَارِمُهُ، أَلا وإِنَّ فِي الجَسَدِ مُضْغَةً إِذَا صَلَحَتْ صَلَحَ الجَسَدُ كُلُّهُ وإذَا فَسَدَت فَسَدَ الجَسَدُ كُلُّهُ أَلا وَهيَ القَلْبُ
ئەبۇ ئابدۇللاھ نۇئمان ئىبنى بىشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. ھالال بىلەن ھارام ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بىلەلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار. كىمكى شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانسا، دىنىنى ۋە شەرىپىنى ساقلاپ قالىدۇ. كىمكى شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشسە، ھارامغا چۈشىدۇ. بۇنداق كىشى بەئەينى ماللىرىنى كىرىشى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئەتراپىدا ئوتلاتقان، ماللىرىنىڭ ئۇ رايونغا ھەر قاچان كىرىپ قېلىش خەتىرى بولغان پادىچىغا ئوخشايدۇ. بىلىڭلاركى، ھەر پادىشاھنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىغان بىر رايونى بولىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى چەكلەنگەن رايونى ئاللاھنىڭ ھارام قىلغانلىرىدۇر. بىلىڭلاركى، بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ يۈرەكتۇر.» (بۇخارى 52؛ مۇسلىم 1599)
شەرھ:
كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلەلمەسلىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دەل مۇجتەھىدلەردۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، بىر ئىشنىڭ ھۆكمىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلەلمەسلىك مۇجتەھىد ئالىم بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھالىتىدۇر.
يەنى، دىنىنى قۇسۇر ۋە كاملىقتىن، ئۆزىنى تەنقىدتىن ساقلاپ قالىدۇ. چۈنكى، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىش سۈپىتى بىلەن تونۇلمىغان كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىد-تەنبىھلىرىدىن ساقلىنالمايدۇ.
ھەدىسىتىكى بۇ جۈملە دىنغا مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ۋە كىشىنىڭ ئۆز شەخسىيىتىگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
ئىبنى مۇنەييىر دېگەن ئالىم ئۇستازى قۇبارىنىڭ تەرجىمھالىدا ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «مەكرۇھ (بىر تۈركۈم ئالىملار ھەدىستىكى شۈبھىلىك ئىشلارنى دىندىكى مەكرۇھ ئىشلار دەپ كۆرسەتكەن) بەندە بىلەن ھارام ئوتتۇرىسىدىكى بىر كۆۋرۈكتۇر. دائىم مەكرۇھ ئىشلارنى قىلغۇچى ھارام ئىشقا چۈشىدۇ. مۇباھ (رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار) مۇ ئوخشاشلا بەندە بىلەن مەكرۇھ ئارىسىدىكى كۆۋرۈكتۇر. دائىملا مۇباھ ئىشلاردىن پايدىلانغان كىشى مەكرۇھ ئىشلارغا چۈشۈپ قالىدۇ.» بۇ بىر گۈزەل مۇلاھىزىدۇر.
مەكرۇھ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ ھارام ئىشلارغا جۈرئەت قىلىشى ئېنىقتۇر. مۇباھ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ مەكرۇھ ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشىمۇ ئېنىقتۇر. ھارام ھېسابلانمايدىغان چەكلىمىگە چۈشۈپ قېلىش، ھارام ھېسابلانغان چەكلىمىگە چۈشۈپ قېلىشقا كىشىنى كۆندۈرىدۇ.
ھەدىستە پەقەتلا يۈرەكنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ئۇنىڭ بەدەننىڭ ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىدىندۇر. ھۆكۈمران دۇرۇست بولسا، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارمۇ دۇرۇست بولىدۇ. ھۆكۈمراننىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارمۇ بۇزۇلىدۇ.
بۇ ھەدىس يۈرەكنىڭ قىممىتىگە ئىشارەت قىلماقتا. يۈرەكنى ئىسلاھ قىلىپ، توغرىلاشقا تەشۋىق قىلماقتا، ھالال رىزىقنىڭ بۇنىڭغا تەسىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىدۇر. بۇ يەردە يۈرەكتىن مەقسەت — ئاللاھ يۈرەكتە \ قەلبتە بارلىققا كەلتۈرگەن چۈشەنچىدۇر. بۇ ئەقىلنىڭ يۈرەكتە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئايەتلەرمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ:{…ئەقىل قىلىپ چۈشىنىدىغان قەلبكە ئىگە بولسۇن…}(سۈرە ھەج، 46-ئايەت؛ 22:46)
ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭمۇ نەقل قىلغىنىدەك، بۇ ھەدىس دىننىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان تۆت ھەدىستىن بىرىدۇر. بۇ تۆت ھەدىس مۇنۇ بىيىتقا توپلانغان:
تۆت سۆزگە مۇجەسسەم دىننىڭ ئۇلى،
بۇلار ئەڭ خەيرلىك زاتنىڭ قەۋلى.
شۈبھىنى تەرك ئەت، زاھىد بول، لەغۋىنى تاشلا،
ئەمەلىڭنى مۇتلەق بىر نىيەت بىلەن باشلا.
(«فەتھۇلبارى» سەھىھ بۇخارىنىڭ 52-نومۇرلۇق ھەدىسىنىڭ شەرھى)
بىيتنىڭ ئىزاھاتى:
بىيتتا دىننىڭ ئاساسى بايان قىلىنغان تۆت ھەدىس مۇنۇلاردۇر:
«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر…»
«دۇنيادىن زاھىد بول، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرسۇن؛ كىشىلەرنىڭ قولىدىكىگە زاھىد بول، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرسۇن.»
«كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ ياخشىلىقى ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى تاشلىشىدۇر.»
«ھاراممۇ ئېنىق، ھالالمۇ ئېنىق، بۇ ئىككىسى ئارىسىدا شۈبىھلىك ئىشلار بار…»
* ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.
* ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.
عَنْ أَبِيْ رُقَيَّةَ تَمِيْم بْنِ أَوْسٍ الدَّارِيِّ رضي الله عنه أَنَّ النبي ﷺ قَالَ:( الدِّيْنُ النَّصِيْحَةُ قُلْنَا: لِمَنْ يَا رَسُولَ اللهِ ؟ قَالَ: للهِ، ولكتابه، ولِرَسُوْلِهِ، وَلأَئِمَّةِ المُسْلِمِيْنَ، وَعَامَّتِهِمْ
ئەبى رۇقەييە تەمىم ئىبنى ئەۋس دارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «دىن سەمىمىيەت كۆرسىتىشتۇر» دېدى. بىز «كىمگە، ئى رەسۇلۇللاھ» دەپ سورىدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ كىتابىغا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمام-ھۆكۈمدارلىرىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا (سەمىمىيەت كۆرسىتىشتۇردېدى.»مۇسلىم 55؛ بۇخارى-مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان)
ئاللاھقا سەمىمىيەت كۆرسىتىش — ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ئاللاھنى رۇبۇبىيەتتە، ئۇلۇھىيەتتە، ئىسىم ۋە سۈپەتلەردە بىر ۋە يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىشنى، ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئانغا سەمىمىيەت كۆرسىتىش — قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش، قۇرئاننى ھۆرمەتلەش ۋە قۇرئاندا بەلگىلەنگەن چەك-چېگرالارغا رىئايە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئاللاھنىڭ رەسۇلۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سەمىمىيەت كۆرستىش— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىمان ئېيتىش، ئۇنى ياخشى كۆرۈش ۋە سۈننىتىگە ئەگىشىشتۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ۋە ئىسلامنىڭ ئۆلىمالىرىغا سەمىمىيەت كۆرسىتىش — مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلارغا ياخشى ئىشتا ئىتائەت قىلىش، ئەمرىگە بويسۇنۇش ۋە ئىتائەت قىلىشتۇر؛ ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىپ، دىنغا دائىر مەسىلىلەرنى ئۆگىنىشتە ئۇلارغا مۇراجىئەت قىلىشتۇر.
مۇسۇلمان ئاممىسىغا سەمىمىيەت كۆرسىتىش — ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەش، ئىلىمسىز جاھىللىرىنى تەربىيىلەپ ئىلىم ئۆگىتىش، ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن ۋە ئازغۇنلىشىپ كەتكەنلىرىنى توغرا يولغا يېتەكلەش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئەزىيەت بېرىپ، يامانلىق قىلماسلىقتۇر.
* بۇ ھەدىستىن يەنە دىننىڭ ھەم ئىبادەت، ھەم مۇئامىلات (ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر) نى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى بىلىنىدۇ.
عَنِ ابْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا أَنَّ رَسُوْلَ اللهِ قَالَ: (أُمِرْتُ أَنْ أُقَاتِلَ النَّاسَ حَتَّى يَشْهَدُوا أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَأَنَّ مُحَمَّدَاً رَسُوْلُ اللهِ وَيُقِيْمُوْا الصَّلاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ فَإِذَا فَعَلُوا ذَلِكَ عَصَمُوا مِنِّي دِمَاءهَمْ وَأَمْوَالَهُمْ إِلاَّ بِحَقِّ الإِسْلامِ وَحِسَابُهُمْ عَلَى اللهِ تَعَالَى)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىنسانلار ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىگە شاھادەت كەلتۈرگەنگە، نامازلارنى مۇكەممەل ئوقۇپ، زاكاتنى بەرگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئەمر قىلىندىم. ئۇلار بۇلارنى ئادا قىلغان تەقدىردە – ئىسلامنىڭ ھەققى مۇستەسنا – مەندىن جېنى ۋە مېلىنى قوغداپ قالالايدۇ. ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئاللاھقا ئائىتتۇر.» (بۇخارى 25؛ مۇسلىم 22)
* ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشنى بۇيرۇغانلىقى. ھەدىستىكى «بۇيرۇلدۇم» سۆزى، «ئاللاھ ماڭا بۇيرۇدى» مەنىسىدىدۇر.
* جىھادنىڭ ۋاجىبلىقى.
* كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىشنىڭ قوغدىنىش جىھادى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى. ئەكسىچە، كاپىرلارغا ئۇلار بىزگە ئۇرۇش ئېچىشتىن ئاۋۋال ئۇرۇش ئېچىپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشىشىمىز يوللۇق. بۇنىڭغا بىنائەن، كاپىرلارغا قارشى جىھاد — قوغدىنىش جىھادى ۋە ھۇجۇم جىھادىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈكتۇر.
* كاپىلارغا قارشى جىھاد قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ مەقسەد، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىنى روياپقا چىقىرىشتۇر. ئىككىنچى مەقسەد بولسا، جىزيە (سېلىق تۆلەش) ئارقىلىق ئىسلام ھۆكۈمرانلىقىغا بويۇن ئېگىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. جىزيەنىڭ پۈتكۈل كاپىرلاردىن ئېلىنىشى دۇرۇسلىقى سۆزلەنگەن، شۇنىڭدەك پەقەتلا مەجۇسىلاردىن ۋە ئەھلى كىتابتىن ئېلىنىدىغانلىقىمۇ سۆزلەنگەن. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇركى، سەھىھ مۇسلىمدىكى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن ھەدىسكە بىنائەن، جىزيەنىڭ پۈتكۈل كاپىرلاردىن ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈم توغرىدۇر. ئۇ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن:«مۇشرىكلاردىن بولغان دۈشمەنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىڭدا ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن. ئەگەر قوبۇل قىلمىسا، ئۇلاردىن جىزيە تۆلىشنى تەلەپ قىل. بۇنىڭغىمۇ كەلمىسە ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشقىن.» (مۇسلىم 1731)
* ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى ئىككى شاھادەتتۇر — تەۋھىد-ئەقىدىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ۋە زاكاتتۇر. ھەدىستە بۇ ئۈچ ئاساس شاھادەت كەلىمىسى، ناماز ۋە زاكات سۈپىتىدە بىر-بىرىگە يانداش ھالەتتە زىكىر قىلىنغان. شاھادەتتىن كېيىن دىننىڭ ئەڭ چوڭ پەرزى بەش ۋاقىت ناماز ۋە زاكاتتۇر.
* كاپىرنىڭ قېنى ۋە مېلى كاپىر بۇ ئۈچ ئاساسنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە روياپقا چىقىدۇ.
* غەنىيمەتلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتى ئۈچۈن ھالال ئىكەنلىكى.
* دۇنيادىكى ھۆكۈملەرنىڭ تاشقى ھالىتى بويىچە تەتبىق قىلىنىدىغانلىقى، ئىنساننىڭ قەلبىدىكىنىڭ ئاللاھقا ھاۋالە قىلىنىدىغانلىقى.
* ئاللاھنىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يوشۇرغانلىرىنى بىلىدىغانلىقى.
* ئىنسانلاردىن ھېساب ئېلىپ، سوراققا تارتىپ، ئەمەللىرىگە قارىتا يا مۇكاپات يا جازا بەرگۈچىنىڭ ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكى.
* ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈشنى، ئۇلاردىن ھېسابلىشىنى ۋە جازا ياكى مۇكاپات بېرىشنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ۋاجىپ قىلغانلىقى. بۇنىڭغا ھەدىستىكى «ھېسابىنى ئېلىش ئاللاھنىڭ ئۈستىدىدۇر» دېگەن جۈملە دالالەت قىلىدۇ.
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ صَخْرٍ رَضِيَ الله تَعَالَى عَنْهُ قَالَ: سَمِعْتُ رَسُوْلَ اللهِ ﷺ يَقُوْلُ: (مَا نَهَيْتُكُمْ عَنْهُ فَاجْتَنِبُوهُ وَمَا أَمَرْتُكُمْ بِهِ فأْتُوا مِنْهُ مَا اسْتَطَعْتُمْ؛ فَإِنَّمَا أَهْلَكَ الَّذِيْنَ مِنْ قَبْلِكُمْ كَثْرَةُ مَسَائِلِهِمْ وَاخْتِلافُهُمْ عَلَى أَنْبِيَائِهِمْ)
ئەبۇ ھۇرەيرە ئابدۇرراھمان ئىبنى سەخرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەرگە نېمىنى چەكلىسەم، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭلار. سىلەرگە نېمىنى بۇيرۇسام، ئۇنى كۈچىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداڭلار. سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر كۆپ سوئال سوراش ۋە پەيغەمبەرلىرىگە (يەنى ئۇلارنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە) قارشى چىقىش سەۋەبلىك ھالاك بولۇپ كەتكەن.» (مۇسلىم 1337)
بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان بەك كۆپ پايدىلار بار:
* رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا ياكى چەكلىمىسىگە بويسۇنۇپ، ئىتائەت قىلىشنىڭ پەرزلىكى.
* ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتە-سەۋەبلەرنى تاشلاشنىڭ پەرزلىكى چۈنكى، بۇ ھەدىستە كەلگەن «يىراق تۇرۇڭلار» بۇيرۇقىنىڭ دائىرىسىدىدۇر.
* رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن زىغىرلاپ كۆپ سوئال سوراشنىڭ ھاراملىقى. چۈنكى بۇ سۈكۈت قىلىنغان ئىشلارنى كوچىلاپ، ئۇ ھەقتە چەكلىمە ياكى بۇيرۇق تۈرىدىكى جاۋابنى ئېلىپ، ئاندىن ئۇ ئەمرگە ئىتائەت قىلماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
* پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇيرۇغان ئەمەللەرگە بويسۇنماي، ئۇنىڭغا ئىسيانكارلىق قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپ ئىش قىلىشنىڭ ھاراملىقى.
* ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ (پەيغەمبەرلىرى بايان قىلىپ بەرگەنلىرى ۋە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلىرىنى سوراشتىن ئېشىپ) پەيغەمبەرلىرىدىن تولا سوئال سوراش ۋە نەتىجىدە ئۇلارغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ تەنقىدلەنگەنلىكى. ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىكى ھالاكىتىگە سەۋەب بولغانلىقى. چۈنكى كۇفۇر ۋە گۇناھلار ھالاك بولۇش دېمەكتۇر. ياكى، ئۇلارنىڭ يوق قىلغۇچى جازالارغا ئۇچراپ، ماددىي جەھەتتىن ھالاك بولغانلىقى.
عَنْ أَبِيْ هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ تَعَالَى عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُوْلُ اللهِ : (إِنَّ اللهَ تَعَالَى طَيِّبٌ لاَ يَقْبَلُ إِلاَّ طَيِّبَاً وَإِنَّ اللهَ أَمَرَ المُؤْمِنِيْنَ بِمَا أَمَرَ بِهِ المُرْسَلِيْنَ فَقَالَ : (يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَاعْمَلُوا صَالِحاً) (المؤمنون: الآية51) ، وَقَالَ: (يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ) (البقرة: الآية172) ثُمَّ ذَكَرَ الرَّجُلَ يُطِيْلُ السَّفَرَ أَشْعَثَ أَغْبَرَ، يَمُدُّ يَدَيْهِ إِلَى السَّمَاء،ِ يَا رَبِّ يَا رَبِّ، وَمَطْعَمُهُ حَرَامٌ ،وَمَشْرَبُهُ حَرَامٌ، وَغُذِيَ بِالحَرَامِ فَأَنَّى يُسْتَجَابُ لذلك) رواه مسلم.
ئەبۇ ھۇرەيرە ئابدۇرراھمان ئىبنى سەخرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«شۈبھىسىزكى ئاللاھ تەييىبدۇر (پاكتۇر) . تەييىب ئەمەلدىن (يەنى ئىخلاس بىلەن سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالەتتە قىلىنغان ئەمەلدىن) باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە بۇيرىغاننى مۆمىنلەرگىمۇ بۇيرۇغان. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:(مۇئمىنۇن سۈرىسى، 51-ئايەت) ئاللاھ يەنە مۇنداق بۇيرۇغان (بەقەرە سۈرىسى، 172-ئايەتبۇلاردىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇزۇن بىر سەپەردە چاچ-ساقاللىرى چۇۋۇلچاقلىشىپ، توپا-چاڭ بېسىپ كەتكەن، قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ دەپ دۇئا قىلغان بىر كىشىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇنىڭ يېگىنى ھارام، ئىچكىنى ھارام ۋە كىيگىنى ھارام تۇرسا، ھارام بىلەن ئوزۇقلانغان تۇرسا، ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ قوبۇل بولسۇن» دېدى.»مۇسلىم 1015)
تەييىب ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر.
تەييىب ئەمەل ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلىنغان، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا ئۇيغۇن بولغان ئەمەلدۇر.
ئاللاھ ھارام ۋاسىتە ئارقىلىق قولغا كەلگەن مالدىن قىلىنغان خەير-ئېھساننى قوبۇل قىلمايدۇ.
ھالال كىرىم ۋە ھالال نەرسىلەرنىڭ تەييىب- پاكتۇر، بۇ خىل كىرىم ۋە ماللاردىن قىلىنغان سەدىقە-ئېھسان قوبۇل قىلىنىدۇ.
ھالالنىلا يېيىش ۋە ھارامدىن يىراق تۇرۇش ۋاجىپتۇر. پەيغەمبەرلەر ۋە مۆمىنلەر بۇنىڭغا بۇيرۇلغان.
ئومۇمى نۇقتىدىن ئېيتقاندا يېمە-ئىچمىكى ۋە كىيىم-كېچىكىگە ھارام ئارىلاشقان كىشى دۇئا ئىجابەت بولۇشنىڭ باشقا سەۋەبلىرىنى ئورۇندىغان تەقدىردىمۇ، دۇئاسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى. ئەمما، بۇنى مەلۇم بىر كىشى ئۈچۈن مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتىشقا بولمايدۇ.
سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش جەھەتتە ھالالدىنلا يېيىش ئارقىلىق ئاللاھتىن ياردەم سوراش.
ھارام يېيىشنىڭ ياكى ئۇنىڭدىن سەدىقە-ئېھسان قىلىشنىڭ بەزىدە ياخشى ئەمەلنى يوققا چىقىرىدۇ، بەزىدە بەندىنىڭ باشقا سالىھ ئەمەللىرى ئارقىلىق توپلىغان ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ.
ئۇزۇن سەپەر، ئۈستى-بېشىنى توپا-چاڭ بېسىش، ئەسكى كىيىم-كېچەك ئىچىدە بولۇش قاتارلىق ھاللار دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋاللار قەلبتە تۆۋەنچىلىك ۋە دىلى سۇنۇقلۇقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. (نورمال ھالەتتە، دىلى سۇنۇق مۆمىن دىلى شاتلانغان مۆمىنگە قارىغاندا ئاللاھقا بەكراق ۋە قاتتىق يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ.)
بولۇپمۇ، ئىنساننىڭ ئەڭ زۆرۈر ئېھتىياجى بولغان يېمەك ئىچمەك، كىيىم-كېچەكنىڭ ھالال بولۇشىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ناۋادا قولغا كەلگەن كىرىمدە ئوچۇق ھالدىكى ھارامدىن كەلگەن ئەمەس، شۈبھىلىك بىر نەرسە بولۇپ دىلغۇللۇق پەيدا قىلسا، بۇنداق كىرىم (يېمەك-ئىچمەك ياكى كىيىم-كېچەككە خەجلەنمەستىن) قاتناش ۋاسىتىسى ۋە تۇرالغۇ ئىنشائاتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
