11–20-ھەدىسلەر: تەقۋالىق، پاكلىق ۋە ئەخلاق
عَنْ أَبِي مُحَمَّدٍ الحَسَنِ بنِ عَلِيّ بنِ أبِي طالبٍ سِبْطِ رَسُولِ اللهِ ﷺ وَرَيْحَانَتِهِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ: حَفِظْتَ مِنْ رَسُوْلِ اللهِ ﷺ : (دَعْ مَا يَرِيْبُكَ إِلَى مَا لاَ يَرِيْبُكَ) رواه الترمذي والنسائي وقال الترمذي: حديث حسن صحيح.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەۋرىسى ۋە خۇشپۇراقلىق رەيھانى ئەبۇ مۇھەممەد ھەسەن ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىنى يادلىۋالغان ئىدىم: «سېنى شۈبھىگە سالغان ئىشنى تاشلاپ، شۈبھىگە سالمايدىغان ئىشنى تۇتقىن.»(تىرمىزى 2518؛ نەسائى 5711؛ تەيالىسى 1274؛ ئىبنى خۇزەيمەن 2348؛ ئىبنى ھىببان 722؛ ھاكىم 2\13)
عَنْ أَبِيْ هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُوْلُ اللهِ ﷺ : (مِنْ حُسْنِ إِسْلامِ المَرْءِ تَرْكُهُ مَا لاَ يَعْنِيْهِ) حديثٌ حسنٌ، رواه الترمذي وغيره هكذا.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشنى تاشلىشى ئۇنىڭ ئىسلامىنىڭ ياخشىلىقىدىندۇر.» (تىرمىزى 2318؛ ئىبنى ماجە 3976؛ ئىبنى ھىببان 722)
* ئىسلامنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بىرى ئاۋۋال دىنىي جەھەتلەردىكى، ئاندىن دۇنياۋى جەھەتلەردىكى پايدىلىق ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىشىدۇر.
* بۇ ھەدىس ئاخىرەتلىك ئۈچۈن زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە، شۇنداقلا پايدىسىز ئىشلارنىمۇ تەرك ئېتىشكە يول كۆرسىتىدۇ.
* بۇ ھەدىس يەنە دىنىي جەھەتتە ياخشىلىقى دەلىللەنگەن ئەمەللەرنى قىلىشقا ۋە بۇنىڭغا قارشى بولغان ئىشلارنى تاشلاشقا تەۋسىيە قىلىدۇ.
عَنْ أَبِيْ حَمْزَة أَنَسِ بنِ مَالِكٍ رَضِيَ اللهُ تَعَالَى عَنْهُ خَادِمِ رَسُوْلِ اللهِ ﷺ عَن النبي ﷺ قَالَ: (لاَ يُؤمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يُحِبَّ لأَخِيْهِ مَا يُحِبُّ لِنَفْسِهِ) رواه البخاري ومسلم
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ خىزمەتچىسى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھېچكىم ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى دىنىي قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» (بۇخارى 13، مۇسلىم 45)
بۇ ھەدىس بارچە مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي ھالدا ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىشتا ئاساستۇر.
سەمىمىي ھالدا بارچە مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىش ۋاجىپ.
ئۆزى ئۈچۈن ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلغىنىدەك، مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىشنىڭ؛ شۇنداقلا، ئۆزى ئۈچۈن يامان كۆرگىنىدەك، مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ يامانلىقنى يامان كۆرۈشنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سەمىمىيەت كۆرسىتىش ھېسابلىنىدۇ. (يەتتىنچى نومۇرلۇق ھەدىستە بۇنىڭ پەرزلىك ھۆكمى چىقىدۇ)
سەمىمىيەت بىلەن مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق ئارزۇ قىلىشنىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.
َعنِ ابْنِ مَسْعُودٍ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ : (لا يَحِلُّ دَمُ امْرِئٍ مُسْلِمٍ إِلاَّ بإِحْدَى ثَلاثٍ: الثَّيِّبُ الزَّانِيْ، وَالنَّفْسُ بِالنَّفْسِ، وَالتَّاركُ لِدِيْنِهِ المُفَارِقُ للجمَاعَةِ) رواه البخاري ومسلم.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوقلۇقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىمگە شاھادەت كەلتۈرگۈچىنى مۇنۇ ئۈچ خىل ئەھۋالدىن باشقىسىدا ئۆلتۈرۈش ھالال ئەمەس. 1. ئۆيلەنگەن تۇرۇپ زىنا قىلغۇچى؛ 2. مۇسۇلماننى ناھەق ئۆلتۈرۈپ، قىساس يۈزىسىدىن ئۆلتۈرۈلگۈچى؛ 3. دىندىن يېنىپ، جامائەتتىن ئايرىلغۇچى.» (بۇخارى 6484؛ مۇسلىم 1676)
شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بىر سەۋەب بولماستىن، مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈشنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇشنىڭ ھاراملىقى.
مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇلىشىغا سەۋەب بولۇشنىڭ ھاراملىقى.
توي قىلغان زىناخورنىڭ كەلگىنىدەك (شەرئىي مەھكىمىنىڭ ھۆكمى ئاساسىدا) ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى. مۇتىۋاتىر سۈننەتتە (پاسىقلىقتىن، يالغاندىن ۋە باشقا يامان سۈپەتلەردىن يىراق، تۆت ئادىل گۇۋاھچىنىڭ زىنا قىلغانلىقىغا ئوچۇق گۇۋاھلىقى بېرىشى بىلەن، ياكى زىنا قىلغانلىقىنى قازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزى تەن ئېلىشى بىلەن) بۇنداق شەخس چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
«دىنىنى يانغۇچى» دىندىن چىقىپ مۇرتەد بولغۇچىدۇر. مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ ئىسلامىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقلىقىگە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئاندىن ئىسلامغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان، ئىسلامنى چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا رازى بولغاندىن كېيىن دىندىن يېنىپ مۇرتەد بولغان. (ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، گۈزەللىكىنى، پۈتكۈل ھەقىقەتلەرنى ئۆزىدە بار قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلۇغ ئاللاھ بەلگىلىگەن دىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغاندىن كېيىن) دىندىن يېنىش، بۇنداق كىشىنىڭ پەسكەش، رەزىللىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇنداق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب، دىننى ئويۇنچۇق قىلىنىۋېلىشتىن قوغداش، ۋە كىشىلەرنىڭ ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈشىنى ئارزۇلايدىغانلارنىڭ دىندىن يېنىپ مۇرتەد بولغانلارنى دەستەك قىلىپ، ئىسلام ھەق بولۇپ، ئۇنىڭدا ياخشىلىق بولسا مانا بۇ پالانچى ئىسلامدىن يانامتى، دەپ تەشۋىق قىلىپ ئىسلامنى قارىلاش يولىنى تاقىۋېتىشتىن ئىبارەت. (شەيخ سالىھ فەۋزان «قىرىق ھەدىس شەرھى») ھەدىستىكى «جامائەتتىن ئايرىلغۇچى» توغرىسىدا ئەھلى ئىلىم دەيدۇكى: بۇ ئىسلام ھۆكۈمدارىغا قارشى چىققۇچى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىسىنى تەرك ئەتكۈچىدۇر، بۇلاردىن خاۋارىجلار ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن ئايرىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى چىققۇچى، ئىسلام ھۆكۈمدارىغا قارشى چىققۇچى ئاسىي، تاجاۋۇزچى ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن يۈز ئۆرۈگۈچى ھەر قانداق كىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇنداق كىشى ياكى تائىپىگە قارشى ئۇنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇشۇشتا ئۆلتۈرۈلسە، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئىسلام شەرىئىتى نۇقتىسىدىن توغرا بولغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئىسلامنى ئويۇنچۇق قىلىنىشتىن قوغداش، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى قوغداش جۈملىسىدىندۇر. بۇنىڭ ئوچۇق بولىدۇكى، مۇسۇلمان كىشى ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمان جامائىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلىرىغا يېپىشىشى، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تەرك ئەتمەسلىك كېرەك. (شەيخ سالىھ فەۋزان «قىرىق ھەدىس شەرھى»)
زامانىمىزدىكى ئىخچام، ئىشەنچىلىك ۋە مۆتىۋەر فىقھ ئەسىرى «فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇرتەرلىك توغرىسىدىكى زۆرۈر بايانلار:
مۇرتەدنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە تەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. تەۋبە قىلسا مەسىلە يوق تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. مۇرتەدنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقىغا ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلىگە ئائىت بولىدۇ.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنىشى، ئىسلامغا دەئۋەت قىلىنىشى، ئۇنىڭ (ئىسلامغا قايتىشى ئۈچۈن) زورلۇق كۈچ ئىشلىتىلىشى ۋە ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىنىشى كېرەك. ئەگەر تەۋبە قىلسا ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن مۇرتەد بولغان يەھۇدىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىستۇر. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ(بۇ يەھۇدىي ھەققىدە) ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «(بۇ مۇرتەد) ئۆلتۈرۈلمىگۈچە ئۇلىغىمدىن چۈشمەيمەن» دېگەن ۋە ئۇ مۇرتەد ئۆلتۈرۈلگەن.»(ئەبۇ داۋۇد 4355؛ ئىبنى ھەجەر فەتھۇل بارى 12-278 تە ئىشەنچىلىك دېگەن) شۇنداقلا، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كاپىر بولغىنىنى، بىراق تەۋقە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆلتۈرۈلگىنىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن:«نېمىشقا ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىپ، يېيىشى ئۈچۈن كۈنىگە بىر تال نان بېرىپ تەۋبە قىلىشىنى تەلەپ قىلمىدىڭلار. بەلكىم، تەۋبە قىلار بولغۇيتتى ياكى رەببىنىڭ ئەمرىگە قايتار بولغۇيتتى. ئاللاھىم، مەن ئۇ يەردە ئەمەسمەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ماڭا يېتىپ كەلگەندىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا رازى بولمىدىم.»(مالىم-مۇۋەتتائ 2-737؛ 16-نومۇر) (فىقھۇل مۇيەسسەر)
دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر ئىشنى ئىنكار قىلىش سەۋەبلىك مۇرتەد بولغۇچىنىڭ تەۋبىسى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزى رەت قىلغان ئىشنى ئىقرار قىلىشى ۋە ئۇ ئىشنى ئىنكار قىلىشتىن يېنىش بىلەن بولىدۇ.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
***
مۇرتەدلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار
مۇرتەدلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار رەسمىيلىك، چاقچاق ياكى مەسخىرە يولى بىلەن بولغان بولسۇن ئوخشاشلا مۇرتەدلىك ھېسابلىنىدۇ. مەيلى قايسى بىر نۇقتىدىن بولمىسۇن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، نامازنى ۋە ئىسلامنىڭ باشقا رۇكۇنلىرىنى ئىنكار قىلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى ھاقارەتلەش، قۇرئان كەرىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش ياكى بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلىش، چەكتىن ئاشقان تەسەۋۋۇپچىلاردەك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شەرىئىتىنىڭ سىرتىغا چىقىش دۇرۇس دېگەن ئېتىقادتا بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى مۇرتەد قىلىدۇ. شۇنداقلا، مۇسۇلمانغا قارشى كاپىرغا ياردەمدە بولغۇچى مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
يۇقارقىلاردىن باشقا كىشىنى ئىسلامدىن چىقىرىدىن كۆپلىگەن ئىشلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى قىلىش بىلەن مۇرتەد بولىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. ئىنسان تۈزگەن قانۇنلارنى ئىسلام شەرىئىتىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ياكى ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ئىنسانلار تۈگەن قانۇنلار (دىن ھەر قانداق بىرى) نى ئوخشاش كۆرۈش بىلەن بۇ قانۇنلارنى ھاكىم قىلىشمۇ مۇرتەدلىك تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
«فىقھۇل مۇيەسسەر»: مۇرتەد بولۇشنىڭ ئۈچ تۈرى
كىشىنى مۇرتەد قىلىدىغان ئاقىۋەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان خۇسۇسلار تۆۋەندىكىچە:
(1) سۆز بىلەن مۇرتەد بولۇش: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى، رەسۇلۇللاھنى ياكى پەرىشتىلەرنى تىللاش، پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىش، غەيىبنى بىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلىش قاتارلىقلار بۇ تۈردىن. ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشمۇ بۇ تۈرگە تەۋە.
(2) ئىش-ھەرىكەت بىلەن مۇرتەد بولۇش: بۇتقا، قەبرىگە ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرگە سەجدە قىلىش، قۇرئاننى يەرگە ئېتىش، قۇرئاننى ھاقارەتلەش ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىسىغا كاپىرلارغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش قاتارلىقلار ئىش ھەرىكەت بىلەن مۇرتەد بولۇش جۈملىسىدىن.
(3) ئېتىقاد بىلەن مۇرتەد بولۇش: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ شېرىكى بار، ئايال بار، بالىسى بار دەپ ئېتىقاد قىلىش؛ زىنانى ياكى ھاراقنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىش؛ ياكى باشقا بىرىنىڭ يولىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىدىن ئەۋزەل دەپ ئېتىقاد قىلىش قاتارلىق ئېتىقاد بىلەن مۇرتەد بولۇش جۈملىسىدىن.
(4) مۇسۇلمانلار ئارىسىدا چوڭ بولغان بىرىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە ھالاللىقىغا ئىجمائقا كېلىنگەن بىر ئىش (ياكى نەرسە) نى ھارام دەپ بىلگەن؛ ياكى ھارام ئىكەنلىكىگە ئىجمائقا كېلىنگەن بىر ئىش (ياكى نەرسە) نى ھالال دەپ بىلگەن كىشىمۇ مۇرتەد جۈملىسىدىن. («فىقھۇل مۇيەسسەر»)
جامائەت
عَن أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه أَنَّ رَسُولَ اللهِ ﷺ قَالَ: (مَنْ كَانَ يُؤمِنُ بِاللهِ وَاليَوْمِ الآخِرِ فَلْيَقُلْ خَيْرَاً أَو لِيَصْمُتْ، وَمَنْ كَانَ يُؤمِنُ بِاللهِ وَاليَومِ الآخِرِ فَلْيُكْرِمْ جَارَهُ، ومَنْ كَانَ يُؤمِنُ بِاللهِ واليَومِ الآخِرِ فَلْيُكْرِمْ ضَيْفَهُ) رواه البخاري ومسلم.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، سۆزلىسە ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى گەپ قىلماي سۈكۈت قىلسۇن. كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، قوشنىسىنى ھۆرمەتلىسۇن. كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن.» (بۇخارى 5672؛ مۇسلىم 48)
ياخشى سۆز قىلىش — ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ۋاجىب ۋە مۇستەھەبلىك سۈپىتىدە ئەمر قىلغان بارچە سۆزلەردۇر. تۈرلۈك زىكىرلەر، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش، ئىلىم ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياخشى سۆزلەر بىلەن ئىسلاھ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قوشنا ھەققى – مۇسۇلمان بولسۇن، كاپىر بولسۇن – بارچە قوشنىلار ئۈچۈن ئومۇمىيدۇر. قوشنىسىغا ھۆرمەت قىلىش — ئۇلارغا ياخشىلىق كەلتۈرۈش ۋە ئازار بەرمەسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مېھمىنىغا ھۆرمەت قىلىش مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ أَنَّ رَجُلاً قَالَ لِلنَّبيِّ ﷺ : أَوصِنِيْ، قَال : (لاَ تَغْضَبْ) . رواه البخاري
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە «ماڭا نەسىھەت قىلغان بولسىلا» دېۋىدى، «غەزەپلەنمىگىن» دېدى. ئۇ كىشى قايتا-قايتا نەسىھەت تەلەپ قىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (ئوخشاشلا) «غەزەبلەنمە» دېدى. (بۇخارى 5756)
عَنْ أَبِي يَعْلَى شَدَّادِ بنِ أَوْسٍ رَضِيَ اللهُ تَعَالَى عَنْهُ عَنْ رَسُولِ اللهِ ﷺ قَالَ: (إِنَّ اللهَ كَتَبَ الإِحْسَانَ عَلَى كُلِّ شَيءٍ. فَإِذَا قَتَلْتُمْ فَأَحْسِنُوا القِتْلَةَ، وَإِذَا ذَبَحْتُمْ فَأَحْسِنُوا الذِّبْحَةَ، وَلْيُحِدَّ أَحَدُكُمْ شَفْرَتَهُ، وَلْيُرِحْ ذَبِيْحَتَهُ) رواه مسلم
ئەبۇ يەئلا شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:
«شۈبىھسىزكى، ئاللاھ تائالا بارچە ئىشلارنى ياخشىلىق ئاساسىدا قىلىشنى بەلگىلىگەن. ئۇنداق ئىكەن، ئۆلتۈرگەن چېغىڭلاردا چىرايلىقچە ئۆلتۈرۈڭلار. مالنى بوغۇزلىغاندىمۇ چىرايلىقچە بوغۇزلاڭلار. (مال بوغۇزلايدىغاندا) سىلەردىن بىرىڭلار پىچىقىنى ياخشى بىلىسۇن ۋە بوغۇزلايدىغان مالنى راھەتلەندۈرسۇن.» (مۇسلىم 1955)
عَنْ أَبِيْ ذَرٍّ جُنْدُبِ بنِ جُنَادَةَ وَأَبِي عَبْدِ الرَّحْمَنِ مُعَاذِ بِنِ جَبَلٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا عَنْ رَسُولِ اللهِ ﷺ قَالَ: (اتَّقِ اللهَ حَيْثُمَا كُنْتَ، وَأَتْبِعِ السَّيِّئَةَ الحَسَنَةَ تَمْحُهَا، وَخَالِقِ النَّاسَ بِخُلُقٍ حَسَنٍ ) رواه الترمذي وقال: حديث حسن. وفي بعض النسخ: حسنٌ صحيح.
ئەبۇ زەر جۇندۇب ئىبنى جۇنادە ۋە ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:
«نەدىلا بولمىغىن ئاللاھتىن قورققىن. بىر يامانلىق قىلغان بولساڭ، ئارقىسىدىنلا بىر ياخشى ئەمەل قىلغىن، بۇنىڭ بىلەن يامان ئىشىڭ يوققا چىقسۇن. كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن.» (ئەھمەد 21354؛ تىرمىزى 1987؛ ھاكىم 1\54)
شەرھ:
«كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش» دېگەن: ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ھەقسىزلىق قىلماسلىق ۋە ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلىشتۇر. (ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك)
عَنْ أَبِي عَبَّاسٍ عَبْدِ اللهِ بنِ عَبَّاسٍ رضي الله عنهما قَالَ: كُنْتُ خَلْفَ النبي ﷺ يَومَاً فَقَالَ: (يَا غُلاَمُ إِنّي أُعَلِّمُكَ كَلِمَاتٍ : احْفَظِ اللهَ يَحفَظك، احْفَظِ اللهَ تَجِدهُ تُجَاهَكَ، إِذَاَ سَأَلْتَ فَاسْأَلِ اللهَ، وَإِذَاَ اسْتَعَنتَ فَاسْتَعِن بِاللهِ، وَاعْلَم أَنَّ الأُمّة لو اجْتَمَعَت عَلَى أن يَنفَعُوكَ بِشيءٍ لَمْ يَنْفَعُوكَ إِلا بِشيءٍ قَد كَتَبَهُ اللهُ لَك، وإِن اِجْتَمَعوا عَلَى أَنْ يَضُرُّوكَ بِشيءٍ لَمْ يَضروك إلا بشيءٍ قَد كَتَبَهُ اللهُ عَلَيْكَ، رُفعَت الأَقْلامُ، وَجَفّتِ الصُّحُفُ) رواه الترمذي وقال: حديث حسن صحيح – وفي رواية – غير الترمذي: (اِحفظِ اللهَ تَجٍدْهُ أَمَامَكَ، تَعَرَّفْ إلى اللهِ في الرَّخاءِ يَعرِفْكَ في الشّدةِ، وَاعْلَم أن مَا أَخطأكَ لَمْ يَكُن لِيُصيبكَ، وَمَا أَصَابَكَ لَمْ يَكُن لِيُخطِئكَ، وَاعْلَمْ أنَّ النَّصْرَ مَعَ الصَّبْرِ، وَأَنَّ الفَرَجَ مَعَ الكَربِ، وَأَنَّ مَعَ العُسرِ يُسراً)
ئەبۇل ئابباس ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس مۇنداق بايان قىلىدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇلىغىنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىگلىك ئىدىم. بۇ ھالەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا مۇنداق دېدى:
«ئەي يىگىت! ساڭا بەزى سۆزلەرنى ئۆگىتىمەن: سەن ئاللاھنى مۇھاپىزەت قىلغىنكى، ئاللاھ سېنى مۇھاپىزەت قىلغاي. ئاللاھتىن قورققىنكى، ئاللاھنى قارشىڭدا تاپىسەن. بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭ ئاللاھتىن سورا. ياردەم سورىماقچى بولساڭ، ئاللاھتىن ياردەم سورا. بىلگىنكى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا بىرەر پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلانسا، ساڭا ئاللاھنىڭ سەن ئۈچۈن پۈتكىنىدىن باشقا ھېچ بىر پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا بىرەر زىيان سېلىش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلانسا، ساڭا ئاللاھنىڭ سەن ئۈچۈن پۈتكىنىدىن باشقا ھېچبىر زىيان سالالمايدۇ. قەلەم كۆتۈرۈلگەن، سەھىپىلەر قۇرۇغاندۇر.»
تىرمىزى رىۋايىتىدىن باشقا بىر رىۋايەتتە، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنغان:
«ئاللاھنى مۇھاپىزەت مۇھاپىزەت قىلغىنكى، ئاللاھنى ئالدىڭدا تاپىسەن. راھەتلىك پەيتلىرىڭدە (ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش ئارقىلىق) ئاللاھنى تونۇغىنكى، ئاللاھمۇ سېنى تونۇغاي. شۇنى بىلگىنكى، ساڭا پۈتۈلمىگەن ئىش ئەسلا ساڭا كەلمەيدۇ، ساڭا پۈتۈلگەن ئىش ساڭا جەزمەن يەتمەي قالمايدۇ. بىلگىنكى، ياردەم سەبر ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. نىجاتلىق قىيىنچىلىققا ئۇلىشىپ كېلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىق بولىدۇ.» (مۇسنەد ئەھمەد – ئەھمەد شاكىر تەھقىقى – 2669؛ تىرمىزى 2516؛ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن)
«ئاللاھنى مۇھاپىزەت قىلىش» دائىما ئاللاھنىڭ ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقىنى ئەستىن چىقارماسلىق ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر. دېمەككى، «ئاللاھنى مۇھاپىزەت قىلىش» نىڭ ھەقىقىتى دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىشتۇر.
ئەكسى قىياس قىلغىنىمىزدا، كىم ئاللاھنىڭ دىنىنى مۇھاپىزە قىلمىسا، ئاللاھمۇ ئۇنى مۇھاپىزەت قىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىنى مۇھاپىزەت قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، يول كۆرسىتىشىدۇر. ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى ھەدىستىكى «سەن ئاللاھنى مۇھاپىزەت قىلغىنكى، ئاللاھ سېنى مۇھاپىزەت قىلغاي سۆزى»گە ئوخشايدۇ:«ئەگەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ.» (سۈرە مۇھەممەد، 7-ئايەت)
راھەتلىك، ساقلىق، خاتىرجەملىك ۋە ماددىي جەھەتتىن كەڭرىچىلىك ھالىتىدە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ پەزىلىتى.
كىم راھەتلىك پەيتىدە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسا، ئاللاھ ئۇنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن ساقلايدۇ، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، قىيىنچىلىقلىرىنى يېنىكلىتىدۇ، غەم ۋە بىئارامچىلىقلىرىنى كەتكۈزىدۇ، ئېغىرچىلىقلىرىنى يوق قىلىدۇ. مانا بۇ ھەدىستىكى «قىيىنچىلىقتا قالغىنىڭدا ئاللاھ سېنى تونۇسۇن» دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسىدۇر.
بەندىلەرگە موھتاج بولماستىن، ئاللاھ بىلەن كۇپايىلىنىش ئارقىلىق تەۋھىدنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى. بۇ بەندىلەردىن سوراشنى ۋە ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشنى تەرك ئېتىپ، ھاجەتلىرىنى پەقەتلا ئاللاھتىن سوراش بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەندە ئېھتىياجلىرىنى رەببىگە تەڭلەيدۇ ۋە رەببىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.
ياخشىلىقى ۋە يامانلىقى بىلەن تەقدىرنىڭ ئىسپاتى.
پايدا، زىيان، نىمەت ۋە مۇسىبەت تۈرىدىن بەندىگە نېمە يەتكەن بولسا، شۇنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھفۇزدا يېزىلغاندۇر. بۇلاردىن قايسى بىرى بەندىگە يېزىلمىغان تەقدىردە، ئۇ ئىش بەندىگە يەتمەيدۇ.
سەبرگە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە سەبرنىڭ زەپەرگە سەۋەب ئىكەنلىكى.
مەخلۇقاتنىڭ تەقدىرلىرىنىڭ يېزىلىپ بولۇنغانلىقى.
تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ مۇسىبەتلەرنى يېنىكلىتىدىغانلىقى، سەبرگە ياردەمچى بولىدىغانلىقى ۋە يالغۇز سەۋەبلەرگىلا ئېسىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى.
عَنْ أَبيْ مَسْعُوْدٍ عُقبَة بنِ عَمْرٍو الأَنْصَارِيِّ البَدْرِيِّ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُوْلُ اللهِ ﷺ (إِنَّ مِمَّا أَدرَكَ النَاسُ مِن كَلاَمِ النُّبُوَّةِ الأُولَى إِذا لَم تَستَحْيِ فاصْنَعْ مَا شِئتَ) رواه البخاري.
ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبنى ئەمرى ئەلئەسارىي ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:« دېگەن سۆز ئىنسانلار تۇنجى پەيغەمبەردىن تارتىپ ئاڭلاپ كەلگەن سۆزدۇر.» (بۇخارى 5769)
بۇ ھەدىس ھايا توغرىسدىكى ئاساستۇر.
بەزى ئىنسانلارنىڭ تىلىدا ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا پەيغەمبەرلەردىن مىراس قالغان بەزى سۆزلەرنى ئېيتىدىغانلىقى.
ھايانىڭ سۆز ۋە ھەرىكەت تۈرىدىن بولغان بارچە يامانلىق ۋە ناچارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى.
كۆڭلى نېمى تارتسا شۇنى قىلىش سەۋەبلىك ھاياغا زىت ئىش قىلغۇچىنىڭ ئازارلىنىدىغانلىقى.
