31–42-ھەدىسلەر: زۇھد، مەرھەمەت ۋە ئاللاھنىڭ كەڭ مەغپىرىتى
عَنْ أَبي العَباس سَعدِ بنِ سَهلٍ السَّاعِدي رضي الله عنه قَالَ: جَاءَ رَجُلٌ إِلَى النبي ﷺ فَقَالَ: يَا رَسُول الله: دُلَّني عَلَى عَمَلٍ إِذَا عَمَلتُهُ أَحَبَّني اللهُ، وَأَحبَّني النَاسُ ؟ فَقَالَ: (ازهَد في الدُّنيَا يُحِبَّكَ اللهُ ، وازهَد فيمَا عِندَ النَّاسِ يُحِبَّكَ النَّاسُ) حديث حسن رواه ابن ماجة وغيره بأسانيد حسنة.
ئەبۇل ئابباس سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا بىر ئەمەلنى سۆزلەپ بەرگەيلىكى، ئۇ ئەمەلنى قىلسام مېنى ئاللاھمۇ، ئىنسانلارمۇ ياخشى كۆرسۇن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«دۇنياغا ھەۋەس قىلما، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە ھەۋەس قىلما، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ.»(ئىبنى ماجە 4102؛ رىيازۇس سالىھىن 472؛ تەبرانى-ئەلكەبىر 5972؛ ھاكىم 4\313؛ ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامدا 1475، ھەسەن دېگەن)
* بۇ ھەدىس زۇھد جەھەتتىكى ئاساسلاردىن بىرىدۇر. زۇھد — ئاخىرەتتە مەنپەئەتى بولمايدىغان ئىش ۋە نەرسىلەرنى تەرك ئېتىشتۇر.
* ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سوئال سوراشنىڭ دۇرۇسلۇقى ۋە ساھابىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھېرىسمەنلىكى.
* تەپسىلاتقا ئېھتىياج بولمىغان تەقدىردە، سوئالنى ئىخچام تۇتۇش.
* دۇنياغا نىسبەتەن زاھىد بولۇشنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىنى ياخشى كۆرۈشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى.
* ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈش سۈپىتىنىڭ ئىسپاتى ۋە ئاللاھنىڭ بۇ سۈپىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقى.
* ئىبادەت ھېسابلانمايدىغان ئىشلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ئىزدەشنىڭ دۇرۇسلۇقى.
* ئىنسانلارنىڭ قولىدىكى مال-دۇنياسىدىن ئۆزىنى بىھاجەت تۇتۇشنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى.
* ئىنسانلارنىڭ ئىلىكىدىكى پۇل-مالغا كۆز سېلىش ياكى ئۇنى سوراشنىڭ ئىنسانلارنىڭ غەزەپلىنىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر سۆز بار: ئىىنسان بالىسى ئۆزىدىن سورالغان چاغدا غەزەبلىنىدۇ.
عن أبي سعيد سعد بن مالك بن سنان الخدري رضي الله عنه أن رسول الله ( ﷺ ) قال: (لا ضرر ولا ضرار) . حديث حسن رواه ابن ماجه والدار قطني وغيرهما مسنداً
ئەبۇ سەئد سەئد ئىبنى مالىك ئىبنى سىنان ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«زىيان يەتكۈزۈش يوقتۇر، زىيانغا زىيان سېلىش بىلەن قارشى تۇرۇشمۇ يوقتۇر.» (مۇۋەتتا 2\745؛ ئىبنى ماجە 2340؛ داراقۇتنى 3\77، 4\228)
(ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ياكى جەمئىيەتكە ھەر قانداق تۈردە زىيان سېلىشنىڭ ھاراملىقى. ئۆزىگە ياكى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك كىشى ۋە نەرسىلەرگە زىيان سېلىنغاندا، زىيان سالغۇچىغا زىيان سېلىش بىلەن تاقابىل تۇرۇلمايدىغانلىقى. جان، مال ۋە ئىپپەت-نومۇس خەتەرگە ئۇچرايدىغان بولسا، بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى كىشى ياكى سەۋەبكە قارشى تۇرۇش ۋاجىب بولىدۇ. بۇ يولدا ئۆلگۈچى شەھىد بولىدۇ.)
عنِ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا أَنَّ رَسُولَ اللهِ ﷺ قَالَ: «لَوْ يُعْطَى النَّاسُ بِدعوَاهُمْ لادَّعَى رِجَالٌ أَمْوَال قَومٍ وَدِمَاءهُمْ، وَلَكِنِ البَينَةُ عَلَى المُدَّعِي، وَاليَمينُ عَلَى مَن أَنكَر» حديث حسن رواه البيهقي هكذا بعضه في الصحيحين.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەگەر ئىنسانلارغا ئۆزلىرى داۋا قىلغان ھەممە نەرسە بېرىلىدىغان بولسا، بەزى كىشىلەر باشقىلىرىنىڭ ماللىرى ۋە جانلىرى ئۈستىدە ھەققى بارلىقىنى داۋا قىلغان بولاتتى. داۋا قىلغۇچى دەلىل كەلتۈرۈشى كېرەك، ئىنكار قىلغۇچى قەسەم قىلىشى كېرەك.» (بەيھەقى-سۇنەن كۇبرا 10\252؛ بۇخارى 4277؛ مۇسلىم 1711)
* داۋاگەرنىڭ شەرىئەت تەلەپ قىلغان دەلىلى بولمىغۇچە، داۋاسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى.
* بۇ جەھەتتە ئادالەت ئىگىسى بىلەن باشقا كىشىلەر ئارىسىدا پەرق يوق بولۇپ، ھەممىسىدىن (ئۆزى دەۋا قىلغان ئىشقا) دەلىل تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى.
* داۋاچىنىڭ دەلىل يوق بولغان ۋە داۋاسىدا چىڭ تۇرغان تەقدىردە، داۋا قىلىنغۇچىنىڭ قەسەم ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلىيالايدىغانلىقى.
* داۋا قىلىنغۇچى قەسەم قىلىشتىن يانسا، داۋاچىنىڭ داۋاسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى.
* شەرىئەتنىڭ زالىم كىشىلەرنىڭ زۇلمىغا قارشى باشقىلارنىڭ ھەققىنى قوغدايدىغانلىقى.
عَنْ أَبي سَعيدٍ الخُدريِّ رضي الله عنه قَالَ: سَمِعتُ رِسُولَ اللهِ ﷺ يَقولُ: (مَن رَأى مِنكُم مُنكَرَاً فَليُغَيِّرْهُ بِيَدِهِ، فَإِنْ لَمْ يَستَطعْ فَبِلِسَانِهِ، فَإِنْ لَمْ يَستَطعْ فَبِقَلبِه وَذَلِكَ أَضْعَفُ الإيمَانِ) رواه مسلم.
ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«سىلەردىن كىمكى بىر يامانلىقنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە، ئۇنى تىلى بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە قەلبى بىلەن قارشى تۇرسۇن. يامانلىققا قەلبىدە قارشى تۇرۇش ئىماننىڭ ئەڭ زەئىپ نۇقتىسىدۇر.» (مۇسلىم 49)
* بۇ ھەدىس ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتىكى مۇھىم ئاساستۇر.
* يامانلىقنى توسۇش ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ پەرزلىكى. بۇ ۋاجىپلىق ياكى ئۇ يامان ئىشنىڭ يوق قىلىنىشى ۋەياكى ئۇنىڭدىن كېلىدىغان يامانلىقنىڭ يېنىكلەشتۈرۈلۈشى، ۋەياكى يامانلىقنى قىلغۇچىغا شەرئىي جازانىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن بولىدۇ.
* يامان ئىشتىن توسۇش ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇ توغرۇلۇق ئىلىمگە ئىگە بولغان، قولى ئارقىلىق ياكى تىلى ئارقىلىق ئۇ يامان ئىشنى توسۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالىغۇچىلارغا پەرز كۇپايە. يامان ئىشقا قەلبىدە نارازى بولۇش پەرز ئەيندۇر.
* يامانلىققا تىل بىلەن قارشى تۇرۇش — شۇ يامانلىقنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى بايان قىلىش بىلەن، ئۇ يامان ئىشتىن ھەزەر قىلدۇرۇپ، ئۇنى قىلىشقا تىل ئارقىلىق قارشى تۇرۇش بىلەن، يامان ئىشنى قىلغۇچىنى ئەيىبلەش ۋە تەۋبە قىلىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بولىدۇ.
* يامانلىققا قەلب بىلەن قارشى تۇرۇش — ئۇ يامانلىقنى قەلبىدە يامان كۆرۈش، شۇ يامانلىقنىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇلاش، ئىمكان بولغان تەقدىردە مۇنكەرنى سۆز ۋە پېئىل ئارقىلىق توسۇشقا قەلبتە ئىنتىلىش بىلەن بولىدۇ.
* يامان ئىشقا قارشى تۇرۇش قول بىلەن قارشى تۇرۇش، تىل بىلەن قارشى تۇرۇش ۋە دىل بىلەن قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ مەرتىۋىگە ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى قول بىلەن توسۇش، ئەڭ تۆۋىنى دىلدا قارشى تۇرۇشتۇر. مۇنكەرگە قولى بىلەن توسۇشقا قادىر بولالايدىغان تۇرۇپ تىلى بىلەن قارشى تۇرۇش، تىلى بىلەن قارشى تۇرالايدىغان تۇرۇپ دىلىدا نارازى بولۇشى دۇرۇس ئەمەس.
* كۈچى يەتكەن دائىرىدە مۇنكەرگە قارشى تۇرغۇچى ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ئۇ ھەقتە جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
* يامانلىققا قارشى تۇرۇش ئىمان جۈملىسىدىندۇر.
* مەيلى قەلبنىڭ ئەمىلى بولسۇن، مەيلى ئەزالارنىڭ ئەمىلى بولسۇن ئىماندىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەدىس بۇ نۇقتىدىن ئەمەلنى ئىمان جۈملىسىدىن سانىمايدىغان مۇرجىئە پىرقىسىغا قارشى رەددىيەدۇر.
* پەرز ئەمەل كىشىنىڭ كۈچى يېتىش دەرىجىسىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. (يەنى بەزى ئىش بىر كىشىگە پەرز بولغان بىلەن، يەنە بىر كىشىنىڭ كۈچى يەتمەسلىكى سەۋەبلىك، ئۇنىڭغا پەرز بولمايدۇ.) بىراق، يامانلىققا قەلبىدە قارشى تۇرۇش پەرز بولۇپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۆزرە يوقتۇر.
* شەرىئەتتە تەلەپ قىلىنغىنى يامان ئىشقا قارشى تۇرۇشتىنلا ئىبارەت بولماستىن، ئۇ يامان ئىشنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكى. ئەگەر يامان ئىشقا قارشى تۇرۇش سەۋەبلىك شۇ يۈز بېرىۋاتقان چاغدىكىدىنمۇ چوڭ بىر يامانلىققا يول ئاچىدىغان بولسا، بۇ خىل ھالەتتە ئۇ يامانلىقنى ئىنكار قىلىش خاتا قىلمىش بولۇپ قالىدۇ. (مەسىلەن، …) بۇنداق ئەھۋالدا مۇنكەرگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىش كىشىنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدىغان بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.(قۇدرىتى يەتمىگەن ئىكەن، ئۇ مۇنكەر توسۇش ۋە ئۆزگەرتىش مەسئۇلىيىتى شۇ تۈردىكى مۇئەييەن كىشىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئەمما، دىلدا قارشى تۇرشۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا پەرز ئەين. چۈنكى، دىلدا قارشى تۇرۇشقا قۇربىتى يەتمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت بولمايدۇ.)
* بۇ ھەدىس ئىسلامنىڭ ئاساس ۋە پىرىنسىپلىرىنىڭ ئاسانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىغا شاھىد بولىدۇ.
عَنْ أَبي هُرَيرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : (لاَ تَحَاسَدوا، وَلاَتَنَاجَشوا، وَلاَ تَبَاغَضوا، وَلاَ تَدَابَروا، وَلاَ يَبِع بَعضُكُم عَلَى بَيعِ بَعضٍ، وَكونوا عِبَادَ اللهِ إِخوَانَاً، المُسلِمُ أَخو المُسلم، لاَ يَظلِمهُ، وَلاَ يَخذُلُهُ، وَلا يكْذِبُهُ، وَلايَحْقِرُهُ، التَّقوَى هَاهُنَا – وَيُشيرُ إِلَى صَدرِهِ ثَلاَثَ مَراتٍ – بِحَسْبِ امرىء مِن الشَّرأَن يَحْقِرَ أَخَاهُ المُسلِمَ، كُلُّ المُسِلمِ عَلَى المُسلِمِ حَرَام دَمُهُ وَمَالُه وَعِرضُه) رواه مسلم
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر-بىرىڭلارغا ھەسەت قىلىشماڭلار! بىرى-بىرىڭلارغا قارشى باھا ئۆرلەتمەڭلار. بىر-بىرىڭلارغا نەپرەت ساقلىماڭلار ۋە يۈز ئۆرۈشمەڭلار. بىرىڭلار يەنە بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ، سودا قىلىۋالمىسۇن. ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، قېرىنداش بولۇشۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلاپ قويمايدۇ، ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئۇنى تۆۋەن كۆرمەيدۇ. تەقۋا بۇ يەردىدۇر — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق دەپ قولى بىلەن ئۈچ قېتىم كۆكرىكىگە ئىشارەت قىلدى. كىشىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى تۆۋەن كۆرۈشى ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك يامانلىقتۇر. مۇسۇلماننىڭ قېنى، مېلى ۋە شان شەرىپى مۇسۇلمانغا ھارامدۇر.» (مۇسلىم 2564؛ رىيازۇس سالىھىن 234)
* ھەدىستىكى «بىر-بىرىگە قارشى باھا ئۆرلىتىش» بىر مالغا يالغان خېرىدار بولۇپ، يەنى بىر خېرىدار بىر مالغا قىزىقىپ ئۇ مال توغرۇلۇق مال ئېگىسىدىن مەلۇمات ئېلىۋاتقاندا، ئۇ مالنى ئېلىش نىيىتى بولمىغان بىرىنىڭ مالنى ئېلىش نىيىتى بار كىشىنىڭ ئالدىدا «مانچە پۇل كېلەمدۇ» دەپ مال ئېگىسىگە سۆز ئېچىشىدۇر. بۇ مال باھاسىنى ئۆرلىتىنىشنىڭ بىر خىل شەكلى. يەنە بىر خىل شەكلى بولسا، مالنى ساتقۇچىنىڭ مالنىڭ باھاسىنى شۇ تۈردىكى ئوخشاش مالدىن يۇقىرى تۇتۇۋېلىشىدۇر.
* مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىنى يامان كۆرۈشى ۋە نەپرەت ساقلىشى ھارامدۇر.
* مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا يۈز ئۆرۈپ (كۆرۈشمەي، گەپلەشمەي، ماي تارتىپ) تۇرۇۋېلىشىنىڭ ھاراملىقى.
* باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلىۋېلىش دېگەنلىك، بىر مالنى بىرەيلەندىن ئون لىراغا سېتىۋالماقچى بولغان خېرىدارغا باشقا بىرەيلەن كېلىپ — ئۇ كىشى بىلەن سودىنى بۇزۇپ ئۆزى بىلەن سودىلاشسۇن ۋە مېنىڭ مېلىم سېتىلسۇن دەپ ئۈمىد قىلىپ — «مەن ساڭا بۇ مالنى توققۇز لىراغا بېرىمەن» دېيىشىدۇر. (شۇنداقلا، بىراۋ بىر مالنى ئون لىراغا ئېلىشقا پۈتۈشۈۋاتقاندا، يەنە بىرى كېلىپ، مەن مېلىڭغا ئون بىر لىرا بېرىمەن، ماڭا سات دەپ سودىنى بۇزۇشىمۇ مۇشۇ تۈردىكى ھارام قىلىنغان سودا شەكلىدىن سانىلىدۇ.)
* بۇ (ۋە بۇقاتاردىكى ئايەت ۋە) ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە بىنائەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا ياردەملىشىشى ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەت كۆرسىتىپ، بىر-بىرىگە يۇمشاق ۋە كىچىك پېئىل بولۇش پەرز. مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلىش ھارام.
* تەقۋانىڭ ئەسلى ۋە ھەقىقىتى ئۇنىڭ قەلبتە بولىشىدۇر. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش نۇقتىسىدىن ئەزالاردا كۆرۈلگەن نەرسىلەر شۇ قەلبتىكى تەقۋانىڭ نامايەندىسىدۇر. بۇ سۆزىمىزگە ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتى شاھىدتۇر:{كىمكى ئاللاھنىڭ شەرئىتىنى ئۇلۇغلىسا، شۈبھىسىزكى بۇ قەلبلەرنىڭ تەقۋالىقىندىندۇر.}(ھەج سۈرىسى، 32-ئايەت)
* سۆز ۋە ئەمەللەردىكى ئازغۇنلۇق قەلبتىكى تەقۋانىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
* مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى پەس كۆرۈپ ياراتماسلىقى چوڭ يامانلىق بولۇپ، ئۇ باشقا يامانلىقلارنىمۇ تۇغدۇرىدۇ.
* ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مۇسۇلماننىڭ ھۆرمىتى ئۈستۈندۇر. ئاللاھ نىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ جېنى، مېلى ۋە ئىززىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى ھارام قىلىشى مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىندۇر. بۇنىڭ دەلىل مۇنۇ ھەدىستۇر:«شۈبھىسىزكى، جانلىرىڭلار، ماللىرىڭلار ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار مۇشۇ كۈن، مۇشۇ ئاي ۋە مۇشۇ زېمىننىڭ ھاراملىقىغا ئوخشاش بىر-بىرىڭلارغا ھارامدۇر.»(بۇخارى 1652؛ مۇسلىم 1218)
* بۇ ھەدىستىن يەنە مۇسۇلماننىڭ كاپىردىن ئۈستۈنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ.
عَنْ أَبي هُرَيرَة رضي الله عنه عَنِ النبي ﷺ قَالَ: (مَنْ نَفَّسَ عَنْ مُؤمِن كُربَةً مِن كُرَبِ الدُّنيَا نَفَّسَ اللهُ عَنهُ كُربَةً مِنْ كرَبِ يَوم القيامَةِ، وَمَنْ يَسَّرَ على مُعسرٍ يَسَّرَ الله عَلَيهِ في الدُّنيَا والآخِرَة، وَمَنْ سَتَرَ مُسلِمَاً سَتَرَهُ الله في الدُّنيَا وَالآخِرَة، وَاللهُ في عَونِ العَبدِ مَا كَانَ العَبدُ في عَونِ أخيهِ، وَمَنْ سَلَكَ طَريقَاً يَلتَمِسُ فيهِ عِلمَاً سَهَّلَ اللهُ لهُ بِهِ طَريقَاً إِلَى الجَنَّةِ، وَمَا اجتَمَعَ قَومٌ في بَيتٍ مِنْ بيوتِ اللهِ يَتلونَ كِتابِ اللهِ وَيتَدارَسونهَ بَينَهُم إِلا نَزَلَت عَلَيهُم السَّكينَة وَغَشيَتهم الرَّحمَة وحَفَتهُمُ المَلائِكة وَذَكَرهُم اللهُ فيمَن عِندَهُ،وَمَنْ بَطَّأ بِهِ عَمَلُهُ لَمْ يُسْرِعْ بهِ نَسَبُهُ ) رواه مسلم بهذا اللفظ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقىدىن بىرىنى راۋا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقىنى يوق قىلىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىقتا قالغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرسا، ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. مۆمىن بەندە دىنىي قېرىندىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى مۇددەتتە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. مۆمىنلەردىن كىمكى دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش يولىغا كىرسە، بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بىر توپ مۆمىن كىشى ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيگە توپلىنىپ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇسا ۋە ئۇنى ئۆز-ئارا دەرسلىك قىلىپ ئۆگەنسە، چوقۇمكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خاتىرجەملىك چۈشىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت قورشايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ، ئاللاھ ئۆز دەرگاھدىكىلەرگە ئۇلارنى ماختاپ بېرىدۇ. ئەمەل-ئىبادىتى (كەمتۈكلۈك ۋە ناقىسلىق سەۋەبلىك) ئارقىدا قويغان كىشىنى، نەسەبى ئۈستۈن قىلالمايدۇ.» (مۇسلىم 2699؛ رىيازۇس سالىھىن 245)
* بىر مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسىگە يېمەك-ئىچمەك ئالالمىغانلىقىنى بىلسەڭ، بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسەڭ، ئاللاھ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئىشىڭنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغىنىدا ئەھۋال مۇشۇنداق. ئەمما، زۆرۈرىيە ھالىتىدە بولسا — يەنى ياردەم بەرمىگەن تەقدىردە مۇسۇلمان ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال بولسا — ئۇ ھالدا بۇنداق كىشىگە ياردەم بېرىشىڭ شەرت ھېسابلىنىدۇ.
شۇنداقلا، قىيىن ئەھۋالدىكى بىر مۇسۇلماندىن ئېلىشىڭ بولسا، ئۇنىڭغا ئاسانچىلىق يارىتىپ بېرىشىڭ (قەرزنى سۈيلەپ چىڭ تۇرۇۋالماستىن ساقلىشىڭ) كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئەگەر قەرز بولغۇچى قىيىنچىلىقتا بولسا، ئۇ كەڭرىچىلىككە چىققانغا قەدەر ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىڭلار» (بەقەرە سۈرىسى، 280-ئايەت) ئالىملار مۇنداق دېگەن: قىيىنچىلىقتا قالغان بىرىدىن ئېلىشى بولغان كىشىنىڭ قىيىنچىلىقتىكى كىشىدىن قەرزنى قايتۇرۇشنى قىستاپ تۇرۇۋېلىشى ۋەياكى ئۇنى ھاكىمغا شىكايەت قىلىشى ھارام. ئەكسىچە، ئۇنى (قەرزنى قايتۇرالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىچە) ساقلاش پەرز.
بىر كىشىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان بىر مۇسۇلماندىن قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقىنىنى كۆرگەن كىشىنىڭ قەرزنى تەلەپ قىلغۇچىغا گۇناھلىق ئىش قىلىۋاتقىنىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ قىيىنچىلىقتىكى كىشىگە مۆھلەت بېرىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك بولىدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى)
ھەدىستە مۆمىنلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يوق قىلىش تەرغىپ قىلىنغان.
ھەدىستە قىيامەتنىڭ ھەقلىقىگە ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ بەك قىيىن بىر كۈن ئىكەنلىكىگە ئىسپات بار.
شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن سەپەر قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ كىشىنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىدىغان سەۋەبلەردىن بىرى ئىكەنلىكى.
ھەدىستە قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئۇنىڭ مەنالىرىنى دەرسلىك قىلىش ئۈچۈن مەسجىلەرگە يىغىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرۇلۇق كۆرسەتمە بار.
قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ۋە ئۇنىڭ مەنا-ھۆكۈم ۋە تىلاۋەت قائىدىلىرىنى دەرسلىك قىلىشنىڭ پەرىشتىلەرنىڭ يېقىنلىشىشىغا ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسىنى زىكىر قىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى.
پەرىشتىلەرنىڭ زىكىرنى، شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشنى ۋە شەرئىي ئىلىم ئۆگەنگۈچى مۆمىنلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.
قۇرئان تىلاۋىتى ۋە شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ زىكرۇللاھ (ئاللاھنى زىكىر قىلىش) ئىكەنلىكى. چۈنكى، بۇ ئىككى ئەمەلنىڭ مۇكاپاتى ئاللاھنىڭ بۇ ئەمەلنى قىلغۇچىلارنى زىكىر قىلىشىدۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن:{مېنى ياد ئېتىڭلاركى، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتەي.}(سۈرە بەقەرە، 152-ئايەت) ھەدىستە مۇنداق دېگەن:«ئەگەر بەندەم مېنى ئۆز ئالدىغا ياد ئەتسە، مەنمۇ ئۇنى ئۆز ئالدىمغا ياد ئېتىمەن. ئەگەر بىر توپ كىشى بار يەردە ياد ئەتسە، مەن ئۇنى بىر توپ (پەرىشتىلەر) ئالدىدا ياد ئېتىمەن.»(بۇخارى 6970؛ مۇسلىم 2675؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)
بۇ ھەدىستە پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا دەلىل بار. سەھىھ ھەدىستە (مۇسلىم 2689، بۇخارى 6045) بايان قىلىنىغدەك، زىكىر سورۇنلىرىنى ئىزدەپ، كېزىپ يۈرىدىغان مەخسۇس پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقى.
شەرەپ ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ سالىھ ئەمەلگە باغلىق ئىكەنلىكى.
ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پەزىلەت دەرىجىلىرىنىڭ نەسەپكە باغلىق بولماستىن تەقۋالىققا ۋە سالىھ ئەمەلگە باغلىق ئىكەنلىكى.
نەسەبلەر ئارىسىدا ئۈستۈن، تۆۋەنلىكنىڭ بولىدىغانلىقى. بىراق، نەسەبلەردە ئۈستۈن تۆۋەنلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا بولىدىغانلىقى.
عَن ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا عَنِ النبي ﷺ فِيْمَا يَرْوِيْهِ عَنْ رَبِّهِ تَبَارَكَ وَتَعَالى أَنَّهُ قَالَ: (إِنَّ الله كَتَبَ الحَسَنَاتِ وَالسَّيئَاتِ ثُمَّ بَيَّنَ ذَلِكَ؛ فَمَنْ هَمَّ بِحَسَنَةٍ فَلَمْ يَعْمَلْهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ حَسَنَةً كَامِلَةً،وَإِنْ هَمَّ بِهَا فَعَمِلَهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ عَشْرَ حَسَنَاتٍ إِلَى سَبْعِمائَةِ ضِعْفٍ إِلىَ أَضْعَاف كَثِيْرَةٍ. وَإِنْ هَمَّ بِسَيِّئَةٍ فَلَمْ يَعْمَلْهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ حَسَنَةً كَامِلَةً،وَإِنْ هَمَّ بِهَا فَعَمِلَهَا كَتَبَهَا اللهُ سَيِّئَةً وَاحِدَةً) رَوَاهُ البُخَارِيُّ وَمُسْلِمٌ في صَحِيْحَيهِمَا بِهَذِهِ الحُرُوْفِ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئاللاھ تابارەك ۋەتەئالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:
«ئاللاھ تائالا ياخشىلىقلارنى ۋە يامانلىقلارنى تەقدىر قىلىپ يازدى. ئاندىن بۇنى روشەن رەۋىشتە بايان قىلدى: (مۆمىنلەردىن) كىمكى بىر ياخشىلىقنى قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئەمما ئۇ ئىشنى قىلالمىغان بولسا، ئاللاھ (پۈتۈكچى پەرىشتىلەرگە) ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە ئۇنىڭ ئۈچۈن كامىل بىر ياخشىلىقنى يازدۇرىدۇ. ئەگەر بەندە ياخشى ئىش قىلىشنى نىيەت قىلىپ، شۇ ياخشىلىقنى قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن (قىلغان ئەمىلىنىڭ) ئون ھەسسىسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىسىگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قات-قات ئاشۇرۇپ ياخشىلىق يازدۇرىدۇ. بەندە بىر يامان ئىش قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇ ئىشنى قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن كامىل بىر ياخشىلىق يازدۇرىدۇ. ئەگەر بەندە بىر يامان ئىشنى قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئارقىدىن ئۇنى قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىگە شۇ ئىشنىڭ مىقدارىدا يامانلىق يازدۇرىدۇ.» (بۇخارى 6491؛ مۇسلىم 131)
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : (إِنَّ اللهَ تَعَالَى قَالَ: مَنْ عَادَى لِي وَلِيَّاً فَقَدْ آذَنْتُهُ بِالحَرْبِ. وَمَا تَقَرَّبَ إِلِيَّ عَبْدِيْ بِشَيءٍ أَحَبَّ إِلِيَّ مِمَّا افْتَرَضْتُهُ عَلَيْهِ. ولايَزَالُ عَبْدِيْ يَتَقَرَّبُ إِلَيَّ بِالنَّوَافِلِ حَتَّى أُحِبَّهُ، فَإِذَا أَحْبَبتُهُ كُنْتُ سَمْعَهُ الَّذِيْ يَسْمَعُ بِهِ، وَبَصَرَهُ الَّذِيْ يُبْصِرُ بِهِ، وَيَدَهُ الَّتِي يَبْطِشُ بِهَا، وَرِجْلَهُ الَّتِي يَمْشِيْ بِهَا. وَلَئِنْ سَأَلَنِيْ لأُعطِيَنَّهُ، وَلَئِنْ اسْتَعَاذَنِيْ لأُعِيْذَنَّهُ) رواه البخاري
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ مۇنداق دېدى: كىمكى مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا ئۇرۇش ئاچىمەن. بەندەم ماڭا ئۆزىگە پەرز قىلغانلىرىمنى ئورۇنداشتىنمۇ بەكراق سۆيۈملۈك ئەمەل بىلەن يېقىنلىشالمايدۇ. بەندەم ماڭا نەپلە ئەمەللەر ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئاقىۋەتتە مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ئېرىشىدۇ. مەن بەندەمنى ياخشى كۆرسەم ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ بېرىمەن. مەندىن سورىسا، سورىغىنىنى بېرىمەن، مەندىن پاناھ تىلىسە، ھىماھەيمگە ئالىمەن.» (بۇخارى 6502)
«كىم مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلسا…» بۇ يەردىكى «ئاللاھنىڭ دوستى»دىن مەقسەت، ئاللاھنى تونۇيدىغان، ئۇنىڭغا ئىزچىل ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئىبادەتلىرىدە ئىخلاسلىق بولغان مۆمىن كىشىدۇر.
رافىزىلارنىڭ ئەبۇ بەكرىگە بولغان دۈشمەنلىكى، بىدئەتچىلەرنىڭ سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىپ ئەمەل قىلغۇچىلارغا بولغان نەپرىتى «ئاللاھنىڭ دوستىغا دۈشمەنلىك قىلىش» نىڭ ئۆرنەكلىرىدىندۇر. ئاللاھنىڭ دوستىغا ئۆچمەنلىك قىلىش سەۋەبلىك ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان پاسىقمۇ مۇشۇ جۈملىدىندۇر.
(ھەدىستىكى بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى) كىم ماڭا خالىس قۇلچىلىق قىلغۇچى بەندەمگە دۈشمەنلىك قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ مېنىڭ ھالاك قىلىشىمغا تاشلىغان بولىدۇ. شۇنداقلا، كىم مېنىڭ بەندەمگە ئۇرۇش ئاچسا، بىر جەڭچى دۈشمەنگە قانداق مۇئامىلە قىلسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن.
بۇ ھەدىستە شىددەتلىك تەھدىت مەۋجۇت. چۈنكى، ئاللاھقا ئۇرۇش ئاچقۇچىنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان كىشىنى يامان كۆرىدىغان كىشى ئاللاھقا قارشى چىققان بولىدۇ. ئاللاھقا قارشى چىققۇچىنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، كىم ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى ياخشى كۆرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ.
«بەندەم ماڭا ئۆزىگە پەرز قىلغانلىرىمنى ئورۇنداشتىنمۇ بەكراق سۆيۈملۈك ئەمەل بىلەن يېقىنلىشالمايدۇ.» پۈتكۈل پەرز ئەين ۋە پەرز كۇپايىلەر ھەدىستىكى بۇ جۈملىنىڭ دائىرىسىدىدۇر. ھەدىستىكى بۇ جۈملىدىن پەرزلەرنى ئادا قىلىشنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەللەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكى ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر.
ئۆزىگە پەرز بولغان ئىبادەتنى قىلغۇچى بەندە بەزىدە بۇ ئىبادەتنى (قىلماسلىق سەۋەبلىك كېلىدىغان) ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئورۇندايدۇ. پەرز ئەمەللەرنى ئورۇنداشتىن سىرت، نەپلە ئەمەللەرنى قىلغۇچى بۇ ئەمەللەر ئارقىلىق پەرۋەردىگارىغا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن يېقىنلىشىشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بۇنىڭ مۇكاپاتى ئاللاھنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلاشقۇچى بەندىنىڭ غايىسى دەل ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشتۇر.
سەلەف ئالىملىرىدىن بىرى مۇنداق دېگەن: كىمكى پەرزلەرنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلالماي قالسا، نەپلە ئەمەللەرنى قىلمىغانلىقىدىن ئۆزۈرلۈكتۇر. بىراق، نەپلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ، پەرزلەرنى زايە قىلىۋەتكۈچى ئالدانغۇچىدۇر.
«ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ بېرىمەن» خەتتابى مۇنداق دېگەن: بۇنىڭدىن مەقسەت، —ئاللاھنىڭ، بەندىسىنىڭ بۇ ئەزالىرى ئارقىلىق قىلىدىغان سالىھ ئەمەللىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈلىشىنى ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىنىڭ بۇ ئەزالىرىنى ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىشى ھەدىستىكى يۇقىرىقى جۈملىنىڭ مەناسىدۇر. ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىنى قۇلىقى بىلەن ناخشا-مۇزىكا، غەيۋەت قاتارلىق ھارام نەرسىلەرنى ئاڭلىشى، كۆزى بىلەن ئاللاھ قاراشتىن، كۆرۈشتىن چەكلىگەن نەرسىگە قارىشى، تۇتۇشى ھارام قىلغىنغاننى قولى بىلەن تۇتۇشى ۋە پۇتى بىلەن ھارام ئىش ئۈچۈن مېڭىشى قاتارلىقلاردىن ئاللاھ ساقلايدۇ. ئاللاھ بۇنداق بەندىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، پەقەتلا ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن بولىدۇ. چۈنكى، بەندە ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن تەقدىردە، ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارغا تۇتۇش قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان بولىدۇ.
بۇ ھەدىستىن ئۆزىگە ۋاجىپ (پەرز) بولغان ئەمەللەرنى ئورۇنداپ، نەپلە ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشقان كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ رەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، بۇ (مەزكۇر ھەدىستە) قەسەم بىلەن ئېيتىلغان ۋەدىدۇر. (فەتھۇلبارى- سەھىھ بۇخارىنىڭ 6502-نومۇرلۇق ھەدىسىنىڭ شەرھى)
عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا أَنَّ رَسُولَ اللهِ ﷺ قَال: (إِنَّ اللهَ تَجَاوَزَ لِي عَنْ أُمَّتِي الخَطَأَ وَالنِّسْيَانَ وَمَا اسْتُكْرِهُوا عَلَيْهِ) حديث حسن رواه ابن ماجه والبيهقي وغيرهما.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىشىپ قېلىش، ئۇنتۇپ قېلىش ۋە مەجبۇرلىنىش يۈزىسىدىن (قىلغان گۇناھلىرىنى) مەن سەۋەبلىك مەغفىرەت قىلىۋەتتى.» (ئىبنى ماجە 2123، بەيھەقى 5\357؛ ئىبنى ھىببان 7219؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 1664)
عَنِ ابْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ: أَخَذَ رَسُولُ اللهِ ﷺ بِمنْكبيَّ فَقَالَ: (كُنْ فِي الدُّنْيَا كَأَنَّكَ غَرِيْبٌ أَوْ عَابِرُ سَبِيْلٍ) وَكَانَ ابْنُ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا يَقُوْلُ: إِذَا أَمْسَيْتَ فَلا تَنْتَظِرِ الصَّبَاحَ، وَإِذَا أَصْبَحْتَ فَلا تَنْتَظِرِ المَسَاءَ. وَخُذْ مِنْ صِحَّتِكَ لِمَرَضِكَ، وَمِنْ حَيَاتِكَ لمَوْتِكَ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۈرەمدىن تۇتۇپ تۇرۇپ «دۇنيادا بىر غېرىپتەك ياكى مۇساپىردەك بولغىن» دېدى.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دائىم مۇنداق دەيتتى:«كەچ قىلساڭ سەھەرنى كۈتمە؛ سەھەر قىلساڭ ئاخشام بولۇشىنى كۈتمە. كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى ساق ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىل، ساڭا ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى ھاياتىڭنى غەنىيمەت بىل.» (بۇخارى 6053، 6416)
مۆمىن دۇنياغا نىسبەتەن بىر مۇساپىرغا ئوخشايدۇ. مۇساپىر ئۆز يۇرتىدىن باشقا يەردە ياشىغان كىشىدۇر. مۇساپىر يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن ھازىرلىق قىلىدۇ. ئۆزى مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان يۇرتنىڭ خەلقى كۆڭۈل بۆلگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ئازلىقىغا بىئارام بولۇپ يۈرمەيدۇ. ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن:«مۆمىن دۇنياغا نىسبەتەن مۇساپىرغا ئوخشايدۇ. ئۇ دۇنيادىكى تۆۋەنلىكتىن خارلىق ھېس قىلمايدۇ، دۇنيادىكى ئىززەت ئۈچۈن مۇسابىقىگە چۈشمەيدۇ. ئۇنىڭ دەردى باشقا، ئىنسانلارنىڭ دەردى باشقىدۇر.» (ئىبنى رەجەب: جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم)
مۆمىن دۇنيا ھاياتى بىلەنلا بەنت بولۇپ كەتمەيدۇ. دۇنيانى ئاخىرەتكە تېگىشىشكە رازى بولمايدۇ.
دۇنيا ھاياتى ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن ئوزۇق توپلاش (سالىھ ئەمەلنى ئاخىرەتكە ئەۋەتىش) ۋاقتىدۇر.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىدە، ھاياتلىقنى پۇرسەت بىلىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا تەشۋىق بار.
عَنْ أَبِيْ مُحَمَّدٍ عَبْدِ اللهِ بِنِ عمْرِو بْنِ العَاصِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم: (لاَيُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يَكُونَ هَواهُ تَبَعَاً لِمَا جِئْتُ بِهِ) حَدِيْثٌ حَسَنٌ صَحِيْحٌ .
ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ نەپسى-خاھىشى مەن ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە ئەگەشمىگۈچە ئىمات ئېيتقان بولمايدۇ.» (بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ زەئىپلىكى توغرىسىدا ھەدىسشۇناسلار ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئىمام نەۋەۋى سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى باز ھەدىس زەئىپ، مەنىسى سەھىھ دېگەن)
بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرىگە ئەگىشىش توغرىسىدىكى ئاساسلاردىن بىرىدۇر. قۇرئاندىكى كۆپلىگەن ئايەتلەر بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىگە شاھىدتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئۇلۇغ رەببىڭ بىلەن قەسەمكى! ئۆز ئارىلىرىدا چىققان مەسىلىلەردە سېنى ھۆكۈم قىلغۇچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلمىغۇچە، ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» (سۈرە نىسا، 65-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) (شەيخ ئەلبەرراك شەيخ بىن بازغا ئوخشاشلا بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكى بايان قىلىپ، ئىبنى رەجەبنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمىنى نەقىل قىلغان. ھەدىستىكى مەنانىڭ سەھىھلىكىدە بىن باز ۋە باشقا ئۆلىمالارغا مۇۋاپىقلاشقان. سۆزنى ئۇزارتماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى قۇرلارنى قىسقىچە بايان قىلدىم-ت.)
مەيلى ئېتىقادىي، مەيلى ئەمەلىي پۈتۈن دىنىي ئىشلاردا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىشنىڭ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھۆكمىگە رازىمەنلىك ۋە تەسلىمىيەت كۆرسىتىشنىڭ پەرزلىكى.
بەندىنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى كۆرگەن بارچە ئىشنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئىماننىڭ كامالىتى جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىنى مەخلۇقاتتىن ھەر قانداق بىرىنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كۆرۈشنىڭ پەرزلىكى.
ئىنسانلاردىن بىرەرسىنىڭ سۆزىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىنىڭ ئالدىغا قويۇۋېلىشنىڭ ھاراملىقى. (يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىگە ئۇيغۇن ئەمەس بىر سۆزنى تۇتۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىنى تاشلاشنىڭ ھاراملىقى.)
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىر ئىشتا ھۆكۈم چىقارسا، ھېچكىمنىڭ ئۇ جەھەتتە خالىغىنىنى قىلىش ھەققىنىڭ يوقلۇقى.
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياقتۇرمايدىغان ئىش ۋە نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھاراملىقى ۋە ئىمانغا زىت ئىكەنلىكى.
عَنْ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ رضي الله عنه قَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ يَقُولُ: قَالَ اللهُ تَعَالَى: (يَا ابْنَ آَدَمَ إِنَّكَ مَا دَعَوتَنِيْ وَرَجَوتَنِيْ غَفَرْتُ لَكَ عَلَى مَا كَانَ مِنْكَ وَلا أُبَالِيْ، يَا ابْنَ آَدَمَ لَو بَلَغَتْ ذُنُوبُكَ عَنَانَ السَّمَاءِ ثُمَّ استَغْفَرْتَنِيْ غَفَرْتُ لَكَ، يَا ابْنَ آَدَمَ إِنَّكَ لَو أَتَيْتَنِيْ بِقِرَابِ الأَرْضِ خَطَايَا ثُمَّ لقِيْتَنِيْ لاَ تُشْرِك بِيْ شَيْئَاً لأَتَيْتُكَ بِقِرَابِهَا مَغفِرَةً) رَوَاهُ التِّرْمِذِيُّ وَقَالَ: حَدِيْثٌ حَسَنٌ صَحَيْحٌ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:
«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئىنسان بالىسى! سەن ماڭا (تەۋبىكار قەلب بىلەن) دۇئا قىلىپ، مەندىن (گۇناھىڭنىڭ مەغفرەت قىلىنىشىنى) سورىغانلىكى تەقدىردە، مەن سېنى قىلغان گۇناھىڭغا پەرۋا قىلماستىن مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن. ئى ئادەم بالىسى! گۇناھلىرىڭ (كۆپىيىپ) ئاسماندىكى بۇلۇتلارغا تاقاشقان تەقدىردىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ماڭا تەۋبە قىلىپ مەغفىرەت سورىساڭ، سېنى مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن. ئى ئادەم بالىسى! سەن ماڭا يەر يۈزى توشقۇدەك گۇناھ بىلەن كېلىپ، ھېچنەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىۋالمىغان ھالەتتە مەن بىلەن ئۇچراشساڭ، مەنمۇ ساڭا يەر يۈزى تولغۇدەك مەغفىرەت بىلەن كېلىمەن.» (تىرمىزى 3540؛ جامىئۇل ئۇلۇم ۋە ھىكەم 2\400؛ سەھىھ ھەدىس)
بۇ ھەدىس تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە دۇئا، ئىستىغپار جەھەتتىكى ئاساسلاردىن بىرىدۇر. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رەببىدىن — ئۇنى سۆزى سۈپىتىدە — نەقىل قىلغان ھەدىس قۇدسىدۇر. ئۇنداق ئىكەن، بۇ ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر. بىراق، قۇرئان ئايىتى ھۆكمىدە ئەمەس (يەنى نامازدا تىلاۋەت قىلىنمايدۇ ۋە قۇرئان ئايىتى سۈپىتىدە قۇرئانغا يېزىلمايدۇ)
ھەدىستىكى «ئى ئادەم بالىسى» سۆزى پۈتكۈل ئەر ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [بەنى ئىسرائىل (ئىسرائىل ئوغۇللىرى) دېيىلگەندە ئىسرائىل ئەۋلادىغا تەۋە پۈتكۈل ئەر ۋە ئاياللارنى كۆرسەتكىنىدەك-ت]
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئۆزىدىن سوراپ دۇئا قىلىشىنى ۋە ئۆزىگە تەۋھىد كەلتۈرۈشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.
ئاللاھنىڭ پەزلىنىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە چەكسىز مەرتلىكى.
شىركتىن پۈتۈنلەي ئۇزاق بولغان تەۋھىدنىڭ، پۈتكۈل گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى.
تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى، شىركنىڭ زىيىنى.
دۇئا ۋە ئىستىغفارغا تەرغىپ.
ئەمەلنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىشقا تەرغىپ.
شىركنىڭ (يەنى ئۇنىڭدىن يېنىپ، تەۋھىدكە قايتمىغۇچە، ئاللاھقا شىرك قوشقۇچى مۇشرىكنىڭ) مەغفىرەت قىلىنمايدىغانلىقى.
ئىنساننىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئىسپاتى.
——
بۇ كىتابنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈشكە مۇۋەپپەت قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن.
فۇرقان دەۋەت مەركىزى ھەققىدە
فۇرقان دەۋەت مەركىزى سەلەپ ئەقىدىسىكى مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە توغرا رەۋىشتە ئېسىلىشى ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىشىنى كۆزلەپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىسلامىي قۇرۇلۇشتۇر.
فۇرقان دەۋەت مەركىزى رىياسەتچىلىكىدىكى خىزمەتلىرىمىز:
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى mujtehid.blogspot.com
قۇرئان تەپسىرى بلوگى tepsir.blogspot.com
سەھىھ ھەدىسلەر بلوگى hedisim.blogspot.com
ئۇيغۇر ئىسلام بلوگى uyislam.blogspot.com
تۋىتېر قانىلىمىز https://twitter.com/tewhidnuri
تېلگرام قانىلىمىز https://t.me/mujtehid
فۇرقان دەۋەت مەركىزىمىز تارقاتقان بەزى ئەسەرلەر:
ئاياللار ئۈچۈن يۈز ھەدىس (فۇرقان دەۋەت مەركىزى)
رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى (مۇھەددىس ئەلبانى)
نۇرلۇق ۋەھىي (ئەللامە ئىبنى باز، مۇھەددىس ئەلبانى)
قىرىق ھەدىس ۋە قىسقىچە شەرھى (نەۋەۋى، مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى بىلەن)
بىدئەت رىسالىسى (شەيخ سالىھ فەۋزان)
