1-قىسىم: ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتى
This content is not yet available in your language.
مۇنەججىم دېگىنىمىز، يۇلتۇزلارغا، سەييارىلارغا قاراپ ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشى ۋە ۋاقىت مىقدارىنى كۆزىتىپ، كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرنى بىلەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغانلار ئىدى. مۇنەججىملەرنىڭ خەۋىرىنى تەستىقلاش ماھىيەتتە يۇلتۇزلارغا ئىشەنگەنلىك ئىدى. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ «پالانى يۇلتۇزنىڭ ئاسماندا پەيدا بولۇشى بىلەن يامغۇر ياغدى»، دەپ ھۆل-يېغىنلارنى مەلۇم يۇلتۇزلارغا باغلاشلىرى ئۇلارنىڭ يۇلتۇزلارغا ئىشىنىش ئىپادىلىرىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئۇلاردا يەنە «تىيەرە» (مەلۇم شەيئىدىن شۇم پال ئېلىش) ئادىتى بار ئىدى. ئەسلىدە، بۇ مۇنداق ئىش ئىدى: ئۇلار مەلۇم ئۇچار قۇش ياكى كىيىك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنى ئۈركۈتەتتى-دە، ھايۋان ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ماڭسا، ئىرادە قىلغان ئىشلىرىغا راۋان بولاتتى ۋە ئۇنى بەرىكەت ھېسابلايتتى. ناۋادا ئۈركۈتۈلگەن ھايۋان چەپ (سول) تەرەپنى بېسىپ ماڭسا، بۇ ئىشىدىن توختايتتى ۋە ئۇنى «شۇملۇقنىڭ بېشارىتى»، دەپ قارايتتى. شۇنىڭدەك يەنە، بىرەر ئىشقا ئاتلانغاندا يول ئۈستىدە مەلۇم ئۇچارلىق ياكى ھايۋانلارغا يولۇقسا ئۇنىڭدىن شۇم پال ئالاتتى. ئۇلارنىڭ توشقاننىڭ ئوشۇق سۆڭىكىنى ئېسىۋېلىشى، مەلۇم ئاي-كۈنلەر، ھايۋاناتلار، تۇرالغۇجاي ۋە خوتۇن كىشىلەردىن شۇم پال ئېلىشلىرى «ئەدۋا» (تۆگىلەردە بولىدىغان قوتۇر) كېسىلىنىڭ يۇقىشى ۋە مۈشۈكياپىلاق دېگەن جانىۋاردىن شۇملۇق ھېس قىلىشلىرى مۇشۇ «تىيەرە» ئەقىدىسىگە ياتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ قان قىساسى ئېلىنمىسا، ئۇنىڭ كۆڭلى تىنماسمىش ۋە ئۇنىڭ روھى مۈشۈكياپىلاققا ئايلىنىپ، چۆل-جەزىرىلەردە سەرسان بولۇپ يۈرۈپ، ھەققىمنى ئېلىڭلار دېگەندەك، ‹ھۇق، ھۇق›، دەپ توۋلارمىش ئۇنىڭ قىساسى ئېلىنىپ، ھەق ئۆز جايىغا قارار تاپقۇزۇلسا، ئۇنىڭ روھى تەسكىن تېپىپ ئارام ئالارمىش ۋە ھاكازالار…».
جاھىلىيەت ئاھالىسىنى ئەنە شۇنداق بۇزۇق ئەقىدە ۋە ئەۋھام، خۇراپاتلار قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلاردا ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ دىنىدىن مەلۇم پائالىيەتلەر يەنىلا قېلىپ قالغان ئىدى. مەسىلەن، بەيتۇللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى تاۋاپ قىلىش، ھەج قىلىش، ئۆمرە قىلىش، ئەرافاتقا چىقىش ۋە مۇزدەلىفىدە قونۇش، بەيتۇللاھقا تۆگە ھەدىيە قىلىش قاتارلىقلار. بىراق، ئۇلار بۇ پائالىيەتلەرگە نۇرغۇن بىدئەتلەرنى قوشۇۋېلىپ، ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۋەتكەنىدى.
قۇرەيشلەرنىڭ ئۆزلىرىنى بىز ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئەۋلادى، ھەرەم ئىگىسى، بەيتۇللاھنىڭ خادىملىرى ۋە مەككە ئاھالىسىدۇرمىز، ھېچقانداق بىر ئەرەب ئورۇن ۋە مەرتىۋە جەھەتتە بىزگە يېتەلمەيدۇ، دەپ ئىتقاد قىلىشىمۇ شۇ بىدئەت خۇراپاتلىققا ياتىدىغان ئىشلاردىن.
ئۇلار ئۆزلىرىنى «ھىمىس» (ھەر جەھەتتە ئەركىن) دەپ ئاتايتتى. شۇڭا، ئۇلار: «بىزنىڭ ھەرەم زېمىنىدىن ھالال جايغا چىقىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق»، دەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەرافاتتا ۋوقۇف قىلمايتتى ۋە ھەم ئىفازە (ئەرافاتتىن مۇزدەلەفەگە قايتىش) قىلمايتتى. مۇزدەلىفەدىنلا ھەرەمگە يېنىپ كىرەتتى. ئاللاھ بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿ڭم افيگوا من چيڭ افاگ الناس﴾ «ئاندىن كېيىن سىلەر (ئەرەفاتتىن) كىشىلەر قايتقان جاي بىلەن قايتىڭلار». («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 199- ئايەت)
ئاشۇ بىدئەتلەرنىڭ ئىچىدە يەنە «ھىمىس»لەرنىڭ ئېھرام ئىچىدىكى ھالەتتە قېتىق ئۇيۇتۇش ۋە ياغ ئۇيۇتۇشىغا بولمايدۇ، ئېھرام ھالىتىدە يۇڭ ئۆي (كىگىز ئۆي) لەرگە كىرىپ ئولتۇرسا بولمايدۇ، ئۇلار پەقەت قېرىم ۋە چەرمىلەردىن ياسالغان ئۆيلەردىن باشقا ئۆيلەردە سايىداپ ئولتۇرسا بولمايدۇ، دېگەن قاراشلىرىدۇر.
شۇنىڭدەك ئاشۇ بىدئەتلەر ئىچىدە يەنە: ھەرەمنىڭ سىرتىدىكىلەرنىڭ ھەج ياكى ئۆمرىگە كەلگەندە ھەرەم سىرتىدىن بىرگە ئېلىپ كەلگەن ئاش-ئوزۇقلارنى ھەرەم ئىچىدە يېيىشكە بولمايدۇ، دېگەن سەپسەتىسىدۇر.
يەنە ئۇلار ھەرەم سىرتىدىن كەلگەنلەرنى بەيتۇللاھنى تۇنجى قېتىم تاۋاپ (تاۋاپى قۇدۇم) قىلغاندا «ھىمىس»لەرنىڭ كىيىمىنى كىيىپ تاۋاپ قىلىشقا بۇيرۇيتتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ كىيىمى تېپىلمىسا، ئەرلەر قىپيالىڭاچ تاۋاپ قىلاتتى. ئاياللار بولسا كىيىمىنىڭ ھەممىسىنى سېلىپ تاشلىۋېتىپ، پەقەت سىرتىغا كىيىدىغان ئالدى ئوچۇق بىر چادىر بىلەنلا تاۋاپ قىلاتتى ۋە مۇنداق دەپ مېڭىشى كېرەك ئىدى:
ئاشكارا بولۇر بۈگۈن بەزىسى يا ھەممىسى،
ھالال بولماس ئۇنىڭدىن بولغىنى ئاشكارىسى.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿يا بني ژدم خۇوا زينتكم ىند كل مسجد﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 31- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ناۋادا تاۋاپچىلار ھەرەمنىڭ سىرتىدىن ئېلىپ كەلگەن كىيىمى بىلەن تاۋاپ قىلىپ سالسا، ئۇ كىيىمىنى تاۋاپتىن كېيىن چوقۇم چۆرۈۋېتىش كېرەكىدى. ئۇنىڭدىن ھېچكىشى پايدىلانسا بولمايدۇ، دەيتتى. ئاشۇ ئورۇنسىز بىدئەتلەردىن يەنە: ئۇلار (يەنى مەككىلىكلەر) ھەجگە ئېھرام باغلاقلىق ھالەتتە ئۆيلىرىگە كىرىپ چىقىشقا توغرا كەلگەندە، ئۆينىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ چىقماي، ئۆينىڭ ئارقا تېمىنى تېشىپ، سۈڭگۈچ ئېچىپ كىرىپ چىقاتتى ۋە بۇ ئاۋارىچىلىقنى ساۋاب دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. بۇنىمۇ «قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 189- ئايەتتە چەكلىۋەتتى.
مانا بۇ (شېرىك ئېتىقاد، بۇتلارغا چوقۇنۇش، ناتوغرا ئوي-خىيال، خۇراپاتلارغا ئىشىنىش) ئەرەبلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىپ كەلگەن دىيانىتى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەھۇدىيەت دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە سابىئىيەت دىنلىرىمۇ ئەرەب تۇپرىقىدا خېلى كەڭ تارقالغانىدى.
يەھۇدى دىنى
يەھۇدىيلارنىڭ ئەرەب زېمىنلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان دەۋرى (ئاز دېگەندە) مۇنداق ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- يەھۇدىيلارنىڭ، بابىلىيە ۋە ئاشورىيىلەرنىڭ پەلەستىندىكى مۇستەملىكىچىلىكى دەۋرىدىكى ھىجرىتى.
بۇ قېتىمقى ھىجرەت مىلادىدىن بۇرۇنقى 587- يىلى پادىشاھ بۇختى نەسىر ئۇلارنىڭ يەھۇدىي ھەيكىلىنى چېقىپ تاشلاپ، يۇرت-ماكانلىرىنى ۋەيران قىلىپ، قاتتىق ئىسكەنجىگە ئالغانلىقتىن كېلىپ چىققان. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەسىر ئېلىنىپ، بابىلغا يالاپ كېتىلگەن. ئاز بىر قىسمى پەلەستىندىن ھىجاز تەرەپكە كېلىپ، ھىجازنىڭ شىمالىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
- مىلادىيە 70- يىلى رۇملۇق (شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)لار ھەربىي قوماندان بىتوتوسنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن كۆچۈپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى كۆچۈشمۇ ئوخشاشلا رۇملۇقلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى چېقىپ تاشلاپ ۋە يۇرت-ماكانلىرىنى خاراب قىلىۋەتكەنلىكىدىن بولغان ۋە بىر قانچە يەھۇدىي قەبىلىسى ئەرەب زېمىنىدىن ھىجاز تەۋەلىكىگە كۆچۈپ كېلىپ، يەسرەب (مەدىنە مۇنەۋۋەر)، خەيبەر ۋە تەيما قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان ۋە بۇ يەرلەردە يېزا، كەنت، شەھەر سېپىلى ۋە ھەربىي قەلئەلەرنى قۇرغان ۋە بۇ كۆچمەنلەر ئارقىلىق بىر قىسىم ئەرەب ئاھالىسى يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ھەتتا بۇ دىن ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ۋە ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىش ھارپىسىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ۋەقەلەردە ئالاھىدە تەسىرى بار دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن مەزگىللەردە مەشھۇر يەھۇدىي قەبىلىلىرىدىن خەيبەر، نەزىر، مۇستەلىق، قۇرەيزە ۋە قەينۇقا قاتارلىق قەبىلىلەر بار ئىدى. سەمھۇدى «ۋەفائۇلۋەفا» دېگەن كىتابنىڭ 116- بېتىدە، «ئەينى چاغدا يەھۇدىي قەبىلىلىرىنىڭ سانى 20دىن ئاشاتتى»، دەپ كۆرسىتىدۇ.
يەھۇدى دىنى يەمەنگە كاپىتان ئەسئەد ئىبنى ئەبى كەرىبنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىرگەن. ئۇ ئەسلىدە يەسرەبكە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە كەلگەن ۋە ئۇ يەردە يەھۇدى دىنىنى قوبۇل قىلىپ، قايتىشتا بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىدىن ئىككى يەھۇدىي ئالىمنى يەمەنگە بىللە ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدى دىنى يەمەن تۇپرىقىدا تارقىلىشقا ۋە كېڭىيىشكە باشلىغان. ئەسئەد ئالەمدىن ئۆتۈپ، يەمەنگە ئۇنىڭ ئوغلى يوسۇپ زوننەۋاس تەخت ۋارىسى بولغاندىن كېيىن نەجرانلىق خرىستىئانلارغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى يەھۇدىيەت دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا زورلىغان. ئۇلار يۈسۈفنىڭ چاقىرىقىغا ئۇنىمىغاندا، ئۇ ئاكوپ كولىتىپ ئوت قويۇپ، خرىستىئانلارنى چوڭ- كىچىك، ئەر- ئايال، قېرى- ياش، ئوغۇل- قىز دەپ ئايرىماي ئورىغا تاشلاپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى پاجىئەدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭدىن 40 مىڭغا قەدەر ئىكەن. بۇ ۋەقە مىلادىيە 523- يىلى 10- ئايدا يۈز بەرگەن. «قۇرئان كەرىم»مۇ بۇ ۋەقەنىڭ بىر قىسمىنى سۈرە بۇرۇجدا «قتل اپچاب الاخدود» «ئورەك ئىگىلىرىگە لەنەت قىلىندى»، دەپ زىكرى قىلدى.
خرىستىئان دىنى
خرىستىئان دىنى ئەرەب زېمىنغا ھەبەشلەر ۋە رۇملۇقلارنىڭ مۇستەملىكچىلىكىگە ئەگىشىپ كىرگەن. ھەبەشلەر يەمەننى مىلادىيە 340- يىلى تۇنجى قېتىم بېسىۋېلىپ، مىلادىيە 378- يىلىغىچە مۇستەملىكە قىلغان. دەل مۇشۇ مەزگىلدە خرىستىئان تەشۋىقاتچىلىرى يەمەن تۇپرىقىدا كەڭ كۇشادە دىنى تەرغىبات بىلەن شۇغۇللانغان.
مۇشۇ مەزگىللەردە نەجران شەھىرىگە دۇئايى ئىجابەت، خىسلەتلىك بىر زاھىد كىشى (ئۇنىڭ ئىسمى فەبەمىيون دېيىلەتتى) كىرىپ كەلدى ۋە ئۇلارنى خرىستىئان دىنىغا دەۋەت قىلدى. ئۇنىڭ توغرا سەمىمىيىتى ۋە دىنى ئىخلاسىنى كۆرگەن نەجران ئاھالىسى تېزدىنلا ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خرىستىئان دىنىغا كىرىپ كەتتى.
ھەبەشلەر يەمەننى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن، ئۇلار ئۇخدۇد ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان يوسۇف زونىنۋاس تۇتقان يولنىڭ تامامەن ئەكسىچە يول تۇتتى. ئەبرەھە ھۆكۈمىتى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، خرىستىئان دىنىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشقا كىرىشتى. ھەتتا ئۇنىڭ ئاكتىپچانلىقى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۇ يەمەنگە بىر كەئبە بىنا قىلىپ، ئەرەب ھاجىلىرىنى ئاشۇ كەئبىگە قايتۇرماقچى ۋە مەككىدىكى بەيتۇللاھنى يىقىۋەتمەكچى بولدى. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىككى جىنايىتى (يېڭى كەئبە بىنا قىلغانلىقى ۋە مۇقەددەس كەئبە بەيتۇللاھنى ۋەيران قىلماقچى بولغانلىقى) ئۈچۈن بىراقلا جازالىدى.
خرىستىئان دىنىنى يەنە شامدىكى غەسسان ئەرەبلىرى، تەغلىب، تەس قەبىلىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا رۇملۇقلارغا چېگرىداش قوشنا مىللەتلەر قوبۇل قىلغان. ھەتتا، ھىيرە پادىشاھلىقىنىڭ خانلىرىمۇ خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.
مەجۇسىيەت
ئەمما، مەجۇسى (ئاتەشپەرەسلىك) دىنى ئاساسەن ئىرانغا چېگراداش بولغان جايلاردىكى ئەرەبلەرگە كۆپ تارقالغان. شۇڭا، بۇ دىننىڭ ئېتىقادچىلىرى ئىراق، بەھرەين، ھەجەر ۋە ئەرەب دېڭىز ساھىلى رايونلىرىغا يېقىن جايلاردا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىرانلىقلار يەمەننى مۇستەملىكە قىلغان مەزگىلدە بىر قىسىم يەمەنلىكلەرمۇ بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغان.
سابىئىيەت دىنى
سابىئىيەت دىنى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىراق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر بۇ دىننىڭ ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ قەۋمى كەلدانىيىلەرنىڭ دىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ دىنغا قەدىمقى ئۆتمۈشتە شام ۋە يەمەن ئاھالىلىرىدىن نۇرغۇن خەلقلەر ئېتىقاد قىلغان، بىراق يەھۇدى ۋە خرىستىئان دىنلىرىدىن ئىبارەت يېڭى دىنلارنىڭ ئارقىمۇئارقا مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، سابىئىيەت دىنىنىڭ دىنىي قۇرۇلمىلىرى بۇزۇلۇپ، پائالىيىتى ئاجىزلىشىپ ئاستا-ئاستا يوقالغان. لېكىن، شۇنداقتىمۇ بۇ دىننىڭ ئېتىقادچىلىرى كىشىلەر ئارىسىدا مەجۇسىي (ئاتەشپەرەس)لارغا ياكى مەجۇسىيلارغا چېگراداش ئىراق ئەرەبلىرى ۋە ئەرەب دېڭىزى بويىدىكى ئاھالىلەرگە ئارىلاش ھالدا ئەينى ۋاقىتلارغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان.
ئەرەبلەرنىڭ دىنى ئەھۋالى
يۇقىرىدا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دىنلار ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىش ھارپىسىدا ئەرەبلەر ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىنلار بولۇپ، بۇ دىنلارنىڭ ھەممىسى ھەر جەھەتتىن يىمىرىلىش ۋە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئۆزلىرىنى ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ دىنىدا، دەپ داۋا قىلىپ كېلىۋاتقان مۇشرىكلارنى ئالىدىغان بولساق، ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىن-شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئەمرى-پەرمان، نەھيى-مۇنكەر بەلگىلىمىلىرىدىن كۆپ يىراق ئىدى ۋە ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە كۆرسىتىلگەن ئېسىل ئەخلاقلار سەل قارىلىپ، گۇناھ- مەئسىيەتلەر كۆپىيىپ كەتكەنىدى ۋە زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىدە بۇددىستلارنىڭكىگە ئوخشاش شېرىك، خۇراپى ئۆرپ-ئادەتلەر ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى. ھەتتا، بۇ خۇراپاتلار ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە دىنىي ھاياتىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
يەھۇدى دىنىنى ئالساق، ئۇ بەئەينى كۆز بويامچىلىق ۋە قۇرۇق دەۋا دەستۇرغا ئايلىنىپ قالغانىدى. دىنىي ئۆلىمالىرى ئۆزلىرىنى ئىككىنچى خۇدا دەپ دەۋا قىلىپ، خەلق ئارىسىدا ئۆز خاھىشلىرى بويىچە ھۆكۈم چىقىراتتى ۋە ئاۋام خەلقتىن كۆڭۈلدىن كەچكەن ئوي-خىياللىرى ۋە تىل-ئېغىزلىرىنى مىدىرلاتقان ھەرىكەتلىرىدىنمۇ ھېساب ئالاتتى. ئۇلارغا نىسبەتەن دىن دەپسەندە بولۇپ كەتسىمۇ، خۇداسىزلىق ۋە كۇفرى ئېقىمى يامراپ كەتسىمۇ ھەتتا ئاللاھ تەرغىپ قىلغان ئىلاھى تەلىماتلار سەل قارالسىمۇ مەيلى ئىدىكى، قولىدىكى ھوقۇق ۋە ماددىي مەنپەئەتتىن ئايرىلىپ قالمىسىلا بولاتتى.
خرىستىئان دىنى — بۇ دىنمۇ چۈشەنمەك قىيىن بولغان بىر خىل بۇتپەرەسلىككە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا ئاجايىپ مۈجمەل بىر خىل غەلىتە مۇناسىۋەتنى پەيدا قىلىۋالغانىدى. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئەرەب ئېتىقادچىلىرىنىڭ كۆنگەن تۇرمۇش ئادىتىدىن يىراق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ دىلىدا بۇ دىندىن ھەقىقىي رازىمەنلىك ۋە قانائەتلىنىش يوق ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكىمۇ ھەم پېتىنالمايتتى.
ئەمما، ئەرەبلەرنىڭ باشقا دىنلىرىنىڭ ئېتىقادچىلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوپ-ئوخشايتتى. ئۇلار گويا بىر قېلىپتا قويۇلغاندەك، بىر جامدىن سۇ ئىچكەندەك ئۆرپ-ئادەت، پسخىكا ۋە ئەقىدە جەھەتلەردە بىر-بىرىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيتتى.
جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەب جەمئىيىتىدىن كۆرۈنۈش
بىز ئالدىنقى بابلاردا ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتتۇق. ئەمدى ئارال خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي ئەھۋاللىرى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى!
ئىجتىمائىي ئەھۋالى
ئەرەب جەمئىيىتىدە ئەھۋالى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىجتىمائىي تەبىقىلەر مەۋجۇت ئىدى. ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىدىكى ئەرلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپلا قالماي، ھەتتا، بۇ تەبىقىنىڭ خوتۇن-قىزلىرىمۇ تولۇق تاللاش ئەركىنلىكى ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىدى. بۇ تەبىقىنىڭ قىز-خوتۇنلىرى قاتتىق ھۆرمەتلىنەتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىپپەت نومۇسى ئۈچۈن قىلىچلەر شىلىتىلىپ، قانلار تۆكۈلەتتى. بىر ئادەم ئەرەبلەرنىڭ نەزەرىدە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولغۇسى، ساخاۋەت ۋە شىجائەت پەزىلىتى بىلەن ماختالغۇسى كەلسە، كۆپىنچە ھاللاردا قىز-خوتۇنلارنىڭ تىلىغا مۇراجىئەت قىلاتتى. ئاياللار خالىسا قەبىلىلەرنى تىنچلىققا ئېرىشتۈرەتتى، خالىسا قەبىلىلەر ئارا ئۇرۇش-جېدەل ئوتلىرىنى ياقاتتى. شۇنداقتىمۇ ئەرلەر يەنىلا ئائىلىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق باشلىقى ۋە ئائىلىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلى ھېسابلىناتتى. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئادەتتە ئائىلە باشلىقىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولاتتى. قىز-خوتۇنلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ئىگە چاقىلىرىنىڭ گېپىنى يىرىۋېتەلمەيتتى.
يۇقىرى ئاق سۆڭەكلەر تەبىقىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى مانا مۇشۇنداق بولۇۋاتقان بىر پەيتتە تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا تەبىقىدىكى ئەر-ئاياللار ئارىسىدا بىر قىسىم پەسكەش كىشىلەرمۇ بار ئىدى، بىز ئۇنداقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى پەقەت شاللاقلىق، ھاياسىزلىق ۋە بۇزۇق-پاھىشىۋازلىق خالاس، دېيىشتىن باشقا سۆز بىلەن ئىپادىلىيەلمەيمىز. ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «جاھىلىيەتنىڭ نىكاھ ئىشلىرى تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى كىشىلەر بۈگۈنكى كۈندە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان نىكاھلىنىش قائىدىسى شۇ ئىدى، يەنى ئەر تەرەپ ئايال تەرەپكە خېرىدارلىق قىلىپ ئەلچى يوللاش، تويلۇق مەھرى بېرىش، ئاندىن كېيىن تويلىشىش. يەنە بىر خىل نىكاھلىنىش ئادىتى، ئارىدا ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ئېرى، خوتۇنى ھېيىزدىن پاك بولغاندا ئۇنىڭغا: «پالانى ئەرگە خوتۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرىغىنى ئالغىن»، دەيتتى ۋە خوتۇنى (پالانى) دىن ھامىلىدار بولمىغۇچە يېقىندارچىلىق قىلمايتتى ۋە بىر جايدا ياتمايتتى. ئايالنىڭ شۇ ئەردىن قورساق كۆتۈرگەنلىكى ئېنىقلانسا، ئاندىن خالىسا بىر ئورۇندا بولاتتى، خالىسا بولمايتتى. ئۇلار بۇنى بالىسىنىڭ سورتلۇق تۇغۇلىشىنى ئارزۇ قىلىپ شۇنداق قىلاتتى. شۇڭا بۇ «نىكاھى ئىستىبزائ» (ئۇرۇق ئېلىش نىكاھى) دەپ ئاتىلاتتى.
ئۈچىنچى بىر خىلى، بىر قانچە شاپاقچى ئەر جەم بولۇپ بىرلا ۋاقىتتا بىرلا خوتۇن بىلەن بىرگە بولاتتى. بۇ خوتۇن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقاندىن كېيىن، بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئاشۇ ئەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ يىغاتتى، ھېچقايسىسىنىڭ كەلمەسلىككە ھەددى ئەمەس ئىدى. ئۇلار جەم بولغاندىن كېيىن ئايال ئۆزى رازى بولىدىغان بىرسىنىڭ نامىنى ئاتاپ: «مانا! قىلغان ئىشىڭلار ھەممىڭلارغا ئايان، مەن تۇغدۇم، پالانى! بالا سىزنىڭكى»، دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بالا ئاشۇ ئەرگە مەنسۇپ بولاتتى.
تۆتىنچى بىر خىلى، نۇرغۇن كىشىلەر توپلىشىپ بىرلا خوتۇن بىلەن بىرگە بولاتتى. ئۇ خوتۇنمۇ قارشىلىق بىلدۈرمەيتتى. بۇلار ئاساسەن پاھىشە خوتۇنلار بولۇپ، ئۇلار ئەرلەرنىڭ تېپىپ كېلىشىگە قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئىشىك دېرىزىلىرىنىڭ ئۈستىگە بايراق چىقىرىپ قوياتتى، بۇنداق خوتۇنلار قورساق كۆتۈرۈپ تۇغسا، ھېلىقى ئەرلەر ھەممىسى جەم بولۇپ، قاپىيكەش چاقىراتتى. ئاندىن كېيىن، بۇ ھارامدىن بولغان بالىنى ئاشۇ قاپىيكەش پەرەز قىلىپ بېكىتكەن ئادەمگە مەنسۇپ قىلاتتى ۋە شۇنىڭ بالىسى بولۇپ قالاتتى. ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىپ، جاھىلىيەت ئاھالىسىنىڭ ئاشۇ ناتوغرا نىكاھلىنىش، شەھۋەت ئادا قىلىش قىلمىشلىرىنى چەكلەپ، بۈگۈنكى ئىسلام دىنى يولغا قويغان ئادىل نىكاھ تۈزۈمىنى ئورناتتى، دېگەن (سۇنەنى ئەبۇ داۋۇدنىڭ كىتابۇ نىكاھتىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى نىكاھلىنىش ئۇسۇللىرى بابىدا زىكرى قىلىندى).
ئەرەبلەردە يەنە ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىنى قىلىچنىڭ بىسلىرى ۋە نەيزىلەرنىڭ تىغلىرى ئورنىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىدى. بۇ ئاساسەن قەبىلىلەر ئارا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردا غالىب تەرەپ مەغلۇپ تەرەپنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئۇنى خوتۇن قىلىشتىن كېلىپ چىققان نىكاھ مۇناسىۋىتى بولۇپ، بۇ خوتۇنلاردىن دۇنياغا كەلگەن بالىلارنىڭ پېشانىسىدىكى نومۇس زېدىسى ئۆمۈرۋايەت ساقايمايتتى.
ھەممىگە مەلۇمكى، ئەرەبلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشتا چەكلىمىگە ئۇچرىمايتتى. شۇڭا، ئۇلاردا بىر ئەر ھەمشىرە ئاچا-سىڭىللارنى بىر نىكاھتا جەملەيدىغان ئىشلارمۇ بار ئىدى. ئاتىسى نىكاھىغا ئېلىپ قويۇۋەتكەن ياكى ئاتىسىدىن تۇل قالغان ئۆگەي ئانىلىرىنى ئۇيالماستىن خوتۇن قىلاتتى. ئەرلەردىكى تالاق «ئايرىلىش» ھوقۇقىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايتتى.
قىسقىسى، زىناخورلۇقتىن ئىبارەت بۇ پەسكەش قىلىق ھەر قايسى تەبىقىلەردە ئومۇملىشىپ كەتكەنىدى. بىز بۇ پاھىشىۋازلىق ۋە پەسكەش قىلىقلاردىن سەسكىنىدىغان ئايرىم تېگى پاكىز ئەر ۋە ئاياللاردىن باشقا ھېچقايسى بىر تەبىقە ۋە بىر سىنىپنى بۇ رەزىللىككە چۈشۈپ قالمىغان دەپ ئىستىسنا قىلالمايمىز. ھەر ھالدا ھۆر (ئازاد) ئاياللارنىڭ ئەھۋالى دېدەكلەرنىڭكىدىن كۆپ ياخشى ئىدى. پاھىشە ئاياللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاساسىي جەھەتتىن دېدەكلەر بولۇپ، ئاشكارىلىنىشىچە، جاھىلىيەت ئاھالىسىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى بۇ پاھىشە قىلىقلارغا چېتىلىپ قېلىشنى نومۇس ھېس قىلمايدىكەن. ئىمام ئەبۇ داۋۇت ئەمرى ئبىنى شۇئەيبدىن، ئۇ دادىسىدىن، ئۇ بوۋىسىدىن نەقىل قىلىپ ئېيتىدۇكى، بىر ئادەم: «ئى رەسۇلۇللاھ! پالانى، مېنىڭ بالام، مەن ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن بۇرۇن جاھىلىيەت ۋاقتىدا بىرگە بولغانىدىم»، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «ئىسلامدا جاھىلىيەت دەۋاسى ئاقمايدۇ، جاھىلىيەت دەۋرى كەتتى، بالا تۆشەك ئىگىسىنىڭ، زىناخور تاش كېسەك قىلىنىدۇ»، دەپ جاۋاب بەرگەن. سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەبدى ئىبنى زەمىيئىنىڭ، زەمىيئىنىڭ دېدىكىدىن بولغان ئوغلى (ئۇ ئابدۇراھمان ئىبنى زەمئە ئىدى) توغرىسىدىكى جېدەل-ماجىراسىنىڭ تەپسىلاتى ھەممىگە ئايان.
جاھىلىيەتتە يەنە ئاتا-بالىلار مۇناسىۋىتىمۇ كۆپ خىل ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بالىلىرىنى:
ئالدىمىزدا يورغىلىغان ئوماق بالىمىز،
يەر يۈزىگە ئاجراپ چۈشكەن جىگەر پارىمىز.
دەپ ئەتىۋارلىسا، يەنە بەزىلىرى قىزلارنىڭ نومۇس كەلتۈرۈشىدىن ۋە كۆپ چىقىمدار قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇلارنى تىرىك ھالەتتە كۆمۈۋېتىدىغانلىرى، يوقسۇللۇق ۋە نامراتلىقتىن قورقۇپ بالىلىرىنى كىچىك ھالىتىدە كۆمىۋېتىدىغانلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ ھەقتە «قۇرئان كەرىم»نىڭ سۈرە ئەنئام 151- ئايەت، سۈرە نەھلى 58-، 59- ئايەت ۋە سۈرە بەنىي ئىسرائىل 31- ئايەتلىرىدە ئېنىق بايانلار بار. لېكىن، بۇنى «جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان ئادەت»، دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز. چۈنكى، ئۇلار دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئوغۇل پەرزەنتكە ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق خەلق ئىدى.
ئەمما ئۇلارنىڭ قېرىنداشلار ئارا مۇناسىۋىتى تاغىنىڭ بالىلىرى (ئىككى تۇغقان) بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆز جەمەتى ئىچىدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم ۋە قويۇق ئىدى. ئۇلار ئىنتايىن قەبىلىۋاز بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ئۈچۈن ئۆلۈپ تىرىلەتتى. بىر قەبىلە ئىچىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بىرلىك روھىغا تەئەسسۇبىيەت (تەرەپبازلىق) روھى قوشۇلۇپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئاساسى ئۇرۇقداشلىق ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق تەئەسسۇبىيىتى ئۈستىگە قۇرۇلغانىدى. ئۇلار «قېرىندىشىڭ زالىم بولسۇن ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىسۇن، ئوخشاشلا ياردەم بېرىشىڭ كېرەك»، دېگەن ماقال-تەمسىلنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرەتتى. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، بۇ تەمسىلنىڭ «زالىمغا ياردەم بېرىش» دېگەن ئۇقۇمىنى «زۇلۇم سېلىشتىن توسۇش» دېگەنگە ئۆزگەرتتى، ئەمما تەمسىلنى پۈتۈنلەي يوققا چىقارمىدى.
بىراق، ھوقۇق-مەنسەپ رىقابىتى كۆپ ھاللاردا بىر ئاتىنىڭ نەسلىدىن كۆپىيىپ شاخلىغان قەبىلىلەر ئارا ئۇرۇش-ماجىرانى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. ئەۋس-خەزرەج، ئەبەس- زەبىيان ۋە بەكرى-تەغلىب قاتارلىق قەبىلىلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلار بۇنىڭ جانلىق مىسالىدۇر.
ئەمما، ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان قەبىلىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كۈچى ئۇرۇشقا سەرپ قىلىناتتى، بىراق دىنىي جەھەتتىكى بەزى ئورتاق ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ سېلىشتىن قورقۇش ۋە غايىبانە ئەيمىنىش ئۇلارنىڭ قىلىچ نەيزىلىرىنىڭ بىسىنى ياندۇرۇپ، جىدەل-ماجىرا ئوتلىرىنى ئۆچۈرەتتى. بەزىدە دوستلۇق ئورنىتىش، ئىتتىپاق تۈزۈش ۋە رايون تەۋەلىكى قاتارلىق ئامىللارمۇ قارشىلىشىۋاتقان قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قوياتتى. بولۇپمۇ، ھەرەم ئايلىرى ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە تۇرمۇشىنى قامدىۋېلىشىغا چوڭ پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنىدى.
گەپنىڭ خۇلاسىسى، ئەرەبلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى ئىنتايىن قالاق، تۆۋەن دەرىجىدە بولۇپ، جاھالەت تۇمانلىرى بېسىپ كەتكەنىدى. خۇراپات ئۈچۈن مەيدان كەڭ ھازىرلانغان، بىدئەت، خۇراپات ۋە ئازغۇن پىكىر-قاراشلىرى ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا، ئادەملەر ھايۋان كەبى ياشايتتى. ئاياللار مال-ماتانىڭ ئورنىدا ئېلىپ سېتىلاتتى، پۈتۈن بىر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا بىرلىك رىشتىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن بولۇپ، بار دېيىلگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ بارلىق ئەس-يادى پۇقرانى بۇلاپ، ئۆز چۆنتىكىنى تولدۇرۇش ياكى قارشى رەقىبلەرگە ئۇرۇش قوزغاش غېمىدە تىپىرلاش ئىدى.
ئىقتىسادىي ئەھۋالى
ئەرەبلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىن جىق پەرقلەنمەيتتى. بىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ ناھايىتى ئېنىق ئايدىڭلىشىدۇ. ئالايلى، تىجارەت ئۇلارنىڭ ھاياتلىق لازىمەتلىكلىرىگە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىدى. تىجارەت سەپىرى دېگەن ئادەتتە ۋەزىيەت مۇقىم، جەمئىيەت تىنچ بولغاندىلا ئاندىن راۋاج تاپىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما، بۇنداق تىنچ ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەت ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ھارام ئايلاردىن باشقىسىدا ھەرگىز تېپىلمايتتى. ئەرەبلەرنىڭ ئۇكاز، زۇلمەجاز ۋە مەجىننە قاتارلىق مەشھۇر بازارلىرى دەل مۇشۇ ئايلاردا ئۆتكۈزۈلەتتى.
ئەمما، قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى ئالساق، ئەرەبلەر سانائەتتىن ئەڭ يىراق مىللەت ئىدى. ئەرەبلەردە بار دېيىلگەن سانائەتنىڭ بار- يوقى پەقەت قول توقۇمىچىلىقى ۋە تېرە-خۇرۇم ئاشلاش ۋەھاكازالار ئىدى خالاس. قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ كۆپ قىسمى يەمەن ۋە ھىيرە ئاھالىلىرىدا، شۇنىڭدەك شامغا يېقىن جايلاردىكى خەلقلەردە تېپىلاتتى.
ئارالنىڭ ئىچكى قىسمىدا پەقەت دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىققا تايىناتتى. ئەرەب ئاياللىرى بولسا يىپ ئىگىرىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. لېكىن، بۇ ئاياللار مىڭ جاپادا ئىگىرىپ توقۇغان يىپ-ماتالىرى ھەربىي ھازىرلىققا يەتمەيتتى. نامراتلىق ۋە ئاچ-يالىڭاچلىق جەمئىيەتتە ئومۇمىي يۈزلۈك بالايى-ئاپەتكە ئايلانغانىدى.
ئىجتىمائىي ئەخلاق
جاھىلىيەت ئەرەبلىرىدە ساغلام ئەقىل ۋە پاك ۋىجدان راۋا كۆرمەيدىغان ناچار ۋە رەزىل ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايمىز، لېكىن ئۇلاردا كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئاجايىپ ئېسىل ئەخلاقلارمۇ بار ئىدى، ئەلۋەتتە
1. ساخاۋەت: ئەرەبلەر كەڭقوللۇقتا بەسلىشەتتى ۋە خەير ساخاۋەت بىلەن پەخىرلىنەتتى. ئۇلارنىڭ ساخاۋەت بىلەن ماختىنىش ۋە سېخىيلارغا مەدھىيە ئوقۇش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان شېئىرلىرى ئەرەب شېئىرلىرىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۆيىگە قەھرىتان سوغۇق ۋە ئاچارچىلىق كۈنلەردە ئۇشتۇمتۇت بىر مېھمان چۈشۈپ قالسا، ساھىبخاننىڭ ئۆيىدە پەقەت ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ جان-تومۇرى بولغان بىرلا تۆگىسى بار بولسا، شۇئان ئۇنى ساخاۋەت روھى بىرلا ھەرىكەتلەندۈرەتتى-دە، ئۇ ئىككىلەنمەستىن ھېلىقى تۆگىنى سويۇپ، مېھمانغا زىياپەت بېرەتتى. ئۇلاردىكى ئالىيجاناپ پەزىلەتلەردىن بىرى شۇكى، ئۇلار ھەددى-ھېسابسىز ئېغىر دىيەت (تۆلەم) ۋە ئىقتىسادىي يۈكلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا رازى ئىدىكى، قان تۆكۈلۈش ۋە بىر ئىنساننىڭ جېنىنىڭ ناھەق زايا بولۇپ كېتىشىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشلىرى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ئەمەلدار باشلىقلىرىغا پەخرى-تەفاخور قىلىشاتتى.
ئۇلارنىڭ سېخى كەڭ قوللۇق خىسلەتلىرىدىن بىرى ئۇلار ھاراق-شاراب ئىچىش بىلەن ماختىناتتى. ئۇلار بۇنى ھاراقكەشلىكنىڭ ئۆزى پەخىرلىنىشگە ئەرزىيدىغان ئىش دەپ قىلماستىن، بەلكى ئۇنى ساخاۋەت يوللىرىنىڭ بىر تۈرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراقكەشلىك ئادەمگە كەڭ قوللۇقنى ئۆگىتىدۇ»، دەپ قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۈزۈم دەرىخىنى «كەرەم»، يەنى ساخاۋەت دەرىخى دەپ ئاتاپ، ئۈزۈم ھارىقىنى «بىنتۇلكەرەم» (ساخاۋەت قىزى) دەپ ئاتاشقانىدى. ئەرەبلەردىكى قەدىمكى كلاسسىك شېئىرلار توپلاملىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق مەخسۇس ھاراقكەشلىك توغرىسىدا مەدھىيە ۋە پەخىر بابلىرىنى كۆرىمىز.
ئەنتەرەتۇلئەبەسى (ئىبنى شەدداد) دېگەن شائىر ئۆزىنىڭ مۇئەللەق ناملىق شېئىرلار توپلىمىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ.
مەن ھاراق ئىچكەن چېغىم ھاۋا سوۋۇپ، سالقىنلىغان،
سۈپ-سۈزۈك پىيالىلەر قولدىن قولغا سۇنۇلغان،
مەستلىكىمدە مال تۆكۈپ، ساخاۋەتكە تاشلىسام،
مەن ھوشۇمغاكەلگىنىمدە كەڭ قوللۇقنى باشلىغان.
يەنە ئەرەبلەرنىڭ ساخاۋەت يوللىرىدىن بىرى، قىمارۋازلىق ئىدى. ئۇلار قىمارنى ساخاۋەت ئۇسۇللىرىدىن بىرخىل ئۇسۇل دەپ قارايتتى. چۈنكى ئۇلار قىماردىن ئالغان پايدىنى ياكى تەقسىماتتىن ئاشقىنىنى پۈتۈنلەي ئاجىز-مىسكىنلەرگە يىگۈزەتتى. شۇ جەھەتتىن «قۇرئان كەرىم»نىڭمۇ ھاراق ۋە قىماردا پايدىلىق تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلماستىن، بەلكى ﴿و اڭمھا اكبر من نفىھما﴾ «بۇ ئىككىسىدىكى گۇناھ پايدىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ»، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.
ئەرەپلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ––– ئەھدىگە ۋاپا قىلىش. ئەھدى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە چىڭ ئېسىلىشقا تېگىشلىك دىن ئىدى. ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن جان-جىگەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە خانىۋەيران بولۇشى قاتارلىق ئېغىرچىلىقلار ھېچنېمە ئىدى. بۇنىڭغا شەيبان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ھانىئى ئىبنى مەسئۇد، سمۋول ئىبنى ئادىيا ۋە ھاجىب ئىبنى زىرارلەرنىڭ قىسسىلىرى ئەمەلىي مىسال بولالايدۇ.
3. «ئىززەتۇننەفىس»، يەنى ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلەش. زۇلۇم-سىتەمگە تېز پۈكمەسلىك ۋە خورلۇققا باش ئەگمەسلىك روھى. ئۇلاردىكى قارام شىجائەت، قەيسەر ئىرادە ۋە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش غەيرىتى قاتارلىقلارنى ئاشۇ ئەخلاقلارنىڭ كۆزى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىزا-ئاھانەت ۋە خورلۇقنىڭ پۇرىقى چىقىدىغان ھەر قانداق بىر گەپ- سۆزنى ئاڭلىسىلا، قوللىرىغا قىلىچ- نەيزىلەرنى ئېلىپ، ئۇرۇش مارشىنى ياڭرىتاتتى ۋە بۇ يولدا قانچىلىك قۇربانلارنى بېرىشتىن پەرۋا قىلمايتتى.
4. قىيىن ئىشلارغا قەدەم بېسىش. ئۇلار «شان-شەرەپ كەلتۈرىدۇ»، دەپ قارىغان ھەر قانداق بىر ئىشقا ئىرادە باغلىسا، ئۇنى ھېچنەرسە توسىيالمايتتى. بەلكى، ئۇلار خەۋپ-خەتەرگە قارىماي، ئۆزىنى ئاشۇ ئىشقا ئاتايتتى.
5. «ھەلىملىق»، يەنى مۇلايىملىق، ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ۋە تەمكىنلىك پەزىلەتلىرىدۇر. ئۇلار بۇ ئەخلاقلار بىلەن ماختانسىمۇ، بىراق ئۇلاردىكى قارام شىجائەت ۋە جەڭگىۋارلىق قەيسىرانە روھى ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلەش روھىنى ئاشۇرۇۋەتكەنىدى.
6. سەھرالىققا خاس ساددىلىق، شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ كىر-داغلىرى ۋە ھىيلىگەر-نەيرەڭۋازلىقلىرى بىلەن بۇلغانماسلىق. ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدىكى سەمىمىي، ساداقەتمەنلىك، ئامانەتكە ۋاپا قىلىش ۋە ئالدامچىلىق ۋە مەككارلىقتىن نەپرەتلىنىش قاتارلىق ئالىيجاناپ پەزىلەتلەر شۇ ئەخلاقلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
بىز بۇ قىممەتلىك ئېسىل ئەخلاقلار ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا سېلىشتۇرغاندىكى مۇھىم جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئالاھىدىلىكى بىلەن قوشقاندا، ئۇلارنىڭ باش ئەلچىلىك يۈكىنى ۋە ئىنسانىيەت مىللەتلىرىگە ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تاللانغانلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بولغان بولۇشى مۇمكىن دېيىشكە ھەقلىقمىز. چۈنكى، بۇ ئەخلاقلارنىڭ قىسمەنلىرى قارىماققا يامانلىققا ئېلىپ بارىدىغاندەك ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇ ئازراق ئىسلاھ قىلىنسىلا ئىنسانىيەت جەمئىيتىگە زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان بىباھا گۆھەرلەردۇر. مانا بۇ ئىسلاھاتنى ئىسلام دىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئېلىپ باردى. بىز بۇنىڭدىن، ئىنسان روھىدىكى ياخشى، يامان تەرەپلەرگە ئاللاھقا باغلانغان بىر ئېتىقاد يېتەكچىلىك قىلمىسا، ئۇ ياخشى تەرەپلەرنىڭمۇ ئۈزۈل-كېسىل ياخشى بولالماي، نىسپىي، ئۆزگىرىشچان خاراكتېر ئېلىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
ئەرەبلەردىكى ئېسىل ئەخلاقلار ئىچىدە ۋەدىگە ۋاپا قىلىشتىن قالسا، ئەڭ قىممەتلىك ۋە پايدىسى ئەڭ زور بولغىنى ئۆز قەدرى-قىممىتىنى بىلىش، خەتەرلىك ئىشلارغا جۈرئەت قىلىش ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇش پەزىلىتى بولسا كېرەك. چۈنكى، يامان ئىللەت ۋە يامان ئىشلارنى چەكلەش ۋە ئادىل تەرتىپ ئورنىتىش دەل مۇشۇنداق قەتئىي ئىرادە، كەسكىن مەيدان ۋە قەيسىرانە روھ بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئەرەبلەرنىڭ يۇقىرىدا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكىمىزدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەخلاق- پەزىلەتلىرى بار. ئەمما، ئۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە بىزنىڭ كىتابىمىزدىكى ئاساسىي تېما ئەمەس.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبى ۋە ئائىلە كېلىپ چىقىشى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ نەسىبى
بۆلۈم: “پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ نەسىبى”پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ نەسىبى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:
بۆلۈم: “پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ نەسىبى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:”بىر قىسمىنىڭ ئېنىق ھالدا ئىشەنچىلىك نەسەبنامە ئىكەنلىكىگە تارىخشۇناس ۋە نەسەبشۇناسلار تولۇق قايىل. ئۇ بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامدىن ئەدنانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى نەسەب شەجەرىسىدۇر.
ئىككىنچى قىسىم نەسەب شەجەرىسى ھەققىدە بەزىلەر سۈكۈت قىلسا، يەنە بەزىلەر ئېغىز ئاچىدۇ. ھەر ھالدا ئىختىلاپ بارلىقى ئېنىق. بۇ قىسىم ئەدناندىن ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامغىچە بولغان ئارىلىقتىكى نەسەب شەجەرىسىدۇر.
ئۈچىنچى قىسىم نەسەب شەجەرىسى ھەققىدە بىزمۇ ئۇنىڭ رەت تەرتىپىدە توغرا بولمىغان تەرەپلەرنىڭ بارلىقىغا ئىنكار قىلمايمىز. ئۇ بولسىمۇ ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامدىن ئادەم ئاتىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى نەسەب شەجەرىسىدۇر. يۇقىرىدا بۇ نۇقتىغا ھەم ئىشارەت بەرگەنىدۇق. مەزكۇر ئۈچ قىسىم نەسەبنامىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
1. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى، ئابدۇللاھ ئابدۇلمۇتەللىپ(ئەسلى ئىسمى شەيبە)نىڭ ئوغلى، ئابدۇلمۇتەللىپ ھاشىم (ئەسلى ئىسمى ئەمرى)نىڭ ئوغلىدۇر، ھاشىمنىڭ ئاتىسى ئابدۇماناف (ئەسلى ئىسمى مۇغىيرە) قۇسەي (ئەسلى ئىسمى زەيد)نىڭ ئوغلىدۇر، قۇسەي كىلابنىڭ ئوغلى، كىلاب مۇررەنىڭ ئوغلى، مۇررەنىڭ ئاتىسى كەئەب لوئەينىڭ ئوغلى، لوئەينىڭ ئاتىسى غالىب فىھرىنىڭ ئوغلىدۇر. فىھرى قۇرەيش دەپ ئاتالغان ۋە ئۇنىڭ جەمەتىمۇ شۇ نام بىلەن تونۇلغان. فىھرى مالىكنىڭ ئوغلى، مالىك نەزرى (ئەسلى ئىسمى قەيس)نىڭ ئوغلى، نەزرى كەنانەنىڭ ئوغلى، كەنانە خۇزەيمەنىڭ ئوغلى خۇزەيمە مۇدرىكە (ئەسلى ئىسمى ئامىر)نىڭ ئوغلى، مۇدرىكە ئىلياسنىڭ ئوغلى، ئىلياسنىڭ ئاتىسى موزەر نەزارىنىڭ ئوغلى، نەزار مەئدىنىڭ ئوغلى مەئدى ئەدناننىڭ ئوغلىدۇر.
2. ئەدناننىڭ يۇقىرىسى: ئەدنان ئەددىنىڭ ئوغلى، ئەددى ھۇمەيسىئەنىڭ ئوغلى، ھۇمەيسىئە سىيلاماننىڭ ئوغلى، سىيلاماننىڭ ئاتىسى ئىۋەس بۇزنىڭ ئوغلى، بۇز قىمۋالنىڭ ئوغلى، قىمۋالنىڭ ئاتىسى ئۇبەي ئاۋامنىڭ ئوغلى، ئاۋام ناشىدنىڭ ئوغلى، ناشىد ھازانىڭ ئوغلى، ھازانىڭ ئاتىسى بەلداس يەدلافنىڭ ئوغلىدۇر، يەدلافنىڭ ئاتىسى تابىخ جاھىمنىڭ ئوغلى، جاھىم ماخىينىڭ ئوغلى، ماخى ئەيزنىڭ ئوغلى، ئەيز ئەبقەرنىڭ ئوغلى، ئەبقەر ئۇبەيدىنىڭ ئوغلى، ئۇبەيدە ئەدئانىڭ ئوغلى، ئەدئا ھەمىداننىڭ ئوغلى، ھەمىداننىڭ ئاتىسى سىبەر يەسرەبنىڭ ئوغلى، يەسرەب يەھزۇننىڭ ئوغلى، يەھزۇن ئەرئەۋانىڭ ئوغلى، ئەرئەۋا ئەيزنىڭ ئوغلى، ئەيز دەيشاننىڭ ئوغلى، دەيشان ئەيسۇرنىڭ ئوغلى، ئەيسۇر ئەفنادنىڭ ئوغلى، ئەفناد ئەيھامنىڭ ئوغلى، ئەيھام مۇقسىرنىڭ ئوغلى ئۇناھىسنىڭ ئوغلى، ناھىس زارىھنىڭ ئوغلى، زارىھ سۇمەينىڭ ئوغلى، سۇمەي مەزيىنىڭ ئوغلى مەزىيى ئىۋەزنىڭ ئوغلى، ئىۋەز ئارامنىڭ ئوغلى، ئارام قەيدارنىڭ ئوغلى، قەيدار ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئوغلىدۇر.
3. ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ يۇقىرىسى. ئىسمائىل (ئەلەيـھىسسالام) ئىبراھىم ئەلەيـھسسالامنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام تارىخ (ئەسلى ئىسمى ئازار)نىڭ ئوغلى، تارىخ ناخورنىڭ ئوغلى، ناخور ساروئ (ياكى ساروغ)نىڭ ئوغلى ساروغ رائونىڭ ئوغلى، رائو فالەخنىڭ ئوغلى، فالەخ ئابىرنىڭ ئوغلى ئابىر شالەخنىڭ ئوغلى، شالەخ ئەرفەخەشەدنىڭ ئوغلى، ئەرفەخەشەد سامنىڭ ئوغلى، سام نۇھ ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئوغلىدۇر، نۇھ ئەلەيـھىسسالام لامىكنىڭ ئوغلى لامىك مۇتەۋەشلىخنىڭ ئوغلى، مۇتەۋەشلىخ ئوخنوخنىڭ ئوغلىدۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئوخنوخ ئىدرىس ئەلەيـھىسسالام ئىكەن. ئوخنوخنىڭ ئاتىسى بارىد مەھلائىلىنىڭ ئوغلى، مەھلائىل قەيناننىڭ ئوغلى، قەينان ئانوشەنىڭ ئوغلى، ئانوشە شىس ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئوغلى، شىس ئەلەيـھىسسالام ئادەم ئاتا (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ ئوغلىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى
بۆلۈم: “پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى”پەيغەمبەر ئەلەيـھسىسالامنىڭ ئائىلە-جەمەتى (چوڭ بوۋىسى ھاشىم ئىبنى ئابدۇمانافقا مەنسۇپ قىلىنىپ) ھاشىم جەمەتى دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنداقتا، بىز ھاشىم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئازراق توختىلايلى.
1. ھاشىم (بىز يۇقىرىدا بەنى ئابدۇماناف جەمەتى بىلەن بەنى ئابدۇددار جەمەتى مەككىنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي ھوقۇق مەنسەپلىرىنى ئۆزئارا ئۆلۈشۈۋېلىشقان چاغدا، بەنى ئابدۇماناف جەمەتىدىن ھاشىم ئىبنى ئابدۇمانافنىڭ ھاجىلارنى سۇغۇرۇش ۋە ئۇلارنى يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا تەمىناتلار بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق). ئۇ، قۇرەيش قەبىلىسى ئىچىدە ئەڭ ئابرويلۇق ۋە باي شەخس بولۇپ تۇنجى قېتىم مەككىدە ھاجىلارغا شورپا نان بىلەن زىياپەت بەرگەن. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەمرى ئىدى، ئۇ ھاجىلارغا كۆپلەپ زىياپەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن «مېھمانلارغا نان ئۇشاتقۇچى»، دېگەن مەنىدە ھاشىم (ئۇشاتقۇچى) دەپ ئاتالغان. يەنە ئۇ قۇرەيشلەرنىڭ يازلىق، قىشلىق ئىككى سەپىرىنىڭ يولىنى تۇنجى بولۇپ ئاچقان كىشىدۇر. بۇ ھەقتە بىر شائىر قەلەم تەۋرىتىپ، مۇنداق يازغان:
ئەمردۇر تەمىنلىگەن گۆش بىلەن ئۆز قەۋمىنى،
ئاچ ئوزۇق ھاجى ھەرەمنى ئەيلىگەن شادۇ-ئامان.
يول ئېلىپ، سودا-تامان تىجارەتكە باش بولۇپ،
ھاشىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى قىش ۋە ياز كارۋان راۋان.
ھاشىمنىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:
ئابدۇمانافنىڭ ئوغلى ھاشىم تىجارەت بىلەن شامغا چىقىپ، قايتىشتا مەدىنىگە چۈشكەن ۋە بۇ يەردە ئەدىي ئىبنى نەججار جەمەتىدىن ئەمرى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ سەلما دېگەن قىزىغا ئۆيلىنىپ، بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ، تىجارەت بىلەن يەنە شامغا قايتقان (بۇ چاغدا سەلما ئابدۇلمۇتەللىپكە ئېغىر ياقلىق ئىدى). ئەپسۇسكى، ھاشىم بۇ قېتىمقى سەپىرىدە پەلەستىننىڭ غۇززە (ھازىرقى گازا رايونى) دېگەن يېرىدە بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتكەن. مىلادىيە 497- يىلى سەلما ساق-سالامەت يەڭگىپ ئوغلىنى «ئاقچاچ» دېگەن مەنىدە «شەيبە»، دەپ ئاتىغان. چۈنكى، ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدا بېشىدا مەلۇم مىقداردا ئاقچاچ بار ئىدى. شەيبە، بوۋىسى ئەمرىنىڭ تەربىيىسىدە يەسرەب (مەدىنىنىڭ قەدىمقى نامى)تە چوڭ بولدى. ھاشىمنىڭ مەككىدە ئەسەد، ئەبۇ سەيفى، نەزلە قاتارلىق ئوغۇللىرى ۋە شىفا، خالىدە، زەئىيفە، رۇقىيە ۋە خەننە قاتارلىق قىزلىرى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ يەسرەبتە يەنە بىر ئوغلىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى.
2. ئابدۇلمۇتەللىپ (يەنى شەيبە) بىز يۇقىرىدا ھاجىلارنى سۇغۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقى ھاشىم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قېرىندىشى مۇتەللىپ ئىبنى ئابدۇمانافقا قالغانىدى ۋە بۇ مۇتەللىپمۇ قېرىندىشى ھاشىمغا ئوخشاشلا قەۋمى-جامائەت ئىچىدە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە، نوپۇزلۇق شەخسكە ئايلانغانىدى. قۇرەيشلەر ئۇنى ئۇنىڭ كەڭ قوللۇقى ئۈچۈن «فەيياز» (كەلكۈن) دەپ ئاتىۋېلىشقانىدى، دېگەنىدۇق. شەيبە چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يېتىش ئالدىدا تۇرغاندا مۇتەللىپ (مەزكۇر ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ، يەنى شەيبەنىڭ تاغىسى) ئۆز قېرىندىشى ھاشىمنىڭ يەسرەب (مەدىنە)تە شەيبە ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، دىدار كۆرۈشمەك ئۈچۈن مەدىنىگە كەلدى. مۇتەللىپ قېرىندىشىنىڭ بۇ ئاسراندى ئوغلىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى ۋە ئۇنى قۇچاقلاپ باغرىغا ئېلىپ، ئۇلاغقا مىندۈرمەكچى بولۇۋىدى، ئۇ: «ئانام رۇخسەت قىلمىسا بارمايمەن»، دەپ تۇرۇۋالدى. مۇتەللىپ ئۇنىڭ ئانىسىدىن ئۇنى ئۆزى بىلەن بىرگە مەككىگە يولغا سېلىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەنىدى، ئۇنىڭ ئانىسى بۇ ئۇماق جىگەر پارىسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ چاغدا مۇتەللىپ ئۇنىڭغا: «بۇ ئاتىسىنىڭ مەككىدىكى ھوقۇقىنى قولغا ئالغىلى بارىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەرىمىگە بارىدۇ»، دەپ ئۇنى بىرگە ئېلىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلغاندىن كېيىن سەلما ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇتەللىپ قېرىندىشىنىڭ كەنجى ئوغلىنى تۆگىسىنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ، مەككىگە ئېلىپ كەلدى. مۇتەللىپنىڭ كەينىدە ناتونۇش بىر ئوغۇلنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن مەككە ئاھالىسى مۇتەللىپ، سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلگەن قول-چاكىرى چېغى، دەپ ئويلاپ مۇتەللىپنىڭ چاكىرى دېگەن مەنىدە «ئابدۇلمۇتەللىپ»، دەپ چاقىرىشتى. مۇتەللىپ: «ئەييۇھەنناس! بۇ دېگەن قېرىندىشىم ھاشىمنىڭ ئوغلى، بوۋام ئابدۇمانافنىڭ پۇشتى، ئۇنىڭ ئىسمى شەيبە»، دەپ تونۇشتۇرغان بولسىمۇ بۇ نام ئاسانلىقچە ئۆزگەرمىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شەيبە تاغىسى مۇتەللىپنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولدى. بىر مەھەلدىن كېيىن، مۇتەللىپ يەمەننىڭ رەدمان دېگەن يېرىدە تويۇقسىز ۋاپات بولۇپ كەتتى-دە، قۇرەيشلەر ئارىسىدا ئابدۇلمۇتەللىپ نامى بىلەن تۇنۇلغان شەيبە تاغىسى مۇتەللىپنىڭ بارلىق ئىمتىيازلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى ۋە قەۋمى-جامائەت ئىچىدە ئەجدادلىرى جارى قىلدۇرغان ياخشى ئىشلارنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ، ئەجدادلىرى يېتەلمىگەن ئىناۋەت ۋە ئابرۇيلارغا ئېرىشىپ، مەككە تەۋەسىدە ئۇنىڭ نوپۇزى ئالاھىدە تىكلەندى ۋە مەككە جەمئىيىتىدە، مۇھىم بىر شەخسكە ئايلىنىپ قالدى.
مۇتەللىپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يەنە بىر قېرىندىشى نەۋفەل سەكرەپ چىقىپ ئابدۇلمۇتەللىپقا تېگىشلىك بولغان بارلىق ئىمتىيازلارنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئابدۇلمۇتەللىپ قېرىنداش قەبىلىلەر ئىچىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەردىن ياردەم سورىغانىدى، ئۇلار: «بىز تاغاڭ بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى ئىشلارغا ئارىلىشالمايمىز»، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەنى بەججار جەمەتىدىكى تاغىلىرىغا خەت يېزىپ، شېئىر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغاپ ياردەم سورىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى ئەبۇ سەئەد ئىبنى ئەدىي مەدىنىدىن سەكسەن ئاتلىقنى باشلاپ كېلىپ، مەككىنىڭ ئەبىتەھ دېگەن يېرىگە چۈشتى. ئابدۇلمۇتەللىپ تاغىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «ئاۋۋال ئۆيگە، تاغا!»، دېگەن بولسىمۇ، ئۇ: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن نەۋفەل بىلەن ئۇچراشمىغىچە ئاتتىن چۈشمەيمەن»، دېدى. ئاندىن ئۇدۇل كەئبىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، نەۋفەلنىڭ قېشىدا توختىدى. بۇ چاغدا نەۋفەل بەيتۇللاھنىڭ ھىجرى (ھىتىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دېگەن يېرىدە قۇرەيش پېشۋالىرى بىلەن بىخارامان ئولتۇرۇۋاتاتتى. ئەبۇ سەئەد ئاتتىن چۈشمەي تۇرۇپ قىلچىنى پۇلاڭلىتىپ: «بەيتۇللاھنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، مۇبادا سەن ھەمشىرەمنىڭ ئوغلىغا ئۇنىڭ بارلىق قانۇنىي ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلىرىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغان بولساڭ، ئاشۇ تېنىڭنى قولۇمدىكى قىلىچىمغا غىلاپ قىلىۋېتىمەن»، دېدى. بۇ چاغدا نەۋفەل دەرھال قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەبۇ سەئەد نەق مەيداندا قۇرەيش مۆتىۋەرلىرىنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ مەنزىلىگە چۈشتى ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن مەدىنىگە قايتتى.
بۇ بىر قاتار ئىشلاردىن كېيىن، نەۋفەل (ئىبنى ئابدۇماناف) جەمەتى بەنى ئابدۇشەمىس ئىبنى ئابدۇماناف جەمەتى بىلەن بىرلىكتە بەنى ھاشىم جەمەتىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈشتى. خۇزائە قەبىلىسى بەنى نەججار قەبىلىسىنىڭ ئابدۇلمۇتەللىپكە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ: «ئابدۇلمۇتەللىپ سىزلەرنىڭ پۇشتىڭىز بولسا، ئۇنىڭ بوۋىسى ئابدۇماناپ بىزنىڭ پۇشتىمىز، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە بىز تېخىمۇ ھەقلىق»، دېيىشىپ، (ئۇلارنىڭ مۇنداق دېيىشى ئابدۇمانافنىڭ ئانىسى خوزائە قەبىلسىدىن ئىدى) داروننەدوۋەت (قۇرەيش كېڭەش يۇرتىغا)گە كېلىپ، بەنى ھاشىم جەمەتى بىلەن بەنى ئابدۇشەمىس ۋە بەنى نەۋفەل جەمەتلىرىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈشتى. مانا بۇ ئىتتىپاق كېيىن تىلغا ئېلىنغىنىدەك مەككە ئىشغالىيىتىنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالغانىدى.
ئابدۇلمۇتەللىپكە بەيتۇللاھقا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ئىككى چوڭ ئىش ئۇدۇل كېلىپ قالدى. بىرى زەمزەم قۇدۇقىنىڭ قېزىلىشى، يەنە بىرى پىل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى.
1. زەمزەم قۇدۇقىنىڭ قېزىلىش جەريانى مۇنداق بولدى: ئابدۇلمۇتەللىپ بىر كۈنى چۈشىدە زەمزەم قودۇقىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلىپ ۋە ئۇنى قېزىشقا ئەمرى قىلىنىپ، چۈش كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلمۇتەللىپ دەرھال ئاتلىنىپ، قۇدۇقنى قېزىشقا كىرىشتى. قۇدۇقنى قازغاندىن كېيىن، قۇدۇقنىڭ ئورنىدىن جۇرھۇملار مەككىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلانغاندا قۇدۇققا تاشلاپ، كۆمۈۋەتكەن قىلىچ، ساۋۇت ۋە ئىككى دانە ئالتۇن كىيىكنى تېپىۋالدى. ئابدۇلمۇتەللىپ ھېلىقى نەرسىلەرنى كولاپ ئېلىپ، كىيىكنى ئېرىتىپ، كەئبىگە دەرۋازا سوقتۇردى. قىلىچنى ھېلىقى دەرۋازىغا گىرەلەشمە شەكىلىدە قىيا قىلىپ قېقىپ قويدى ۋە زەمزەم قودۇقى بىلەن ھاجىلارنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
زەمزەم قۇدۇقى رەسمىي سۇ بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغاندا قۇرەيشلەر ئۇنىڭغا: «قۇدۇقنى تەڭ باشقۇرايلى»، دېيىشتى. ئابدۇلمۇتەللىپ: «بۇ ماڭا خاس ئىش، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن»، دەپ تۇرۇۋالدى. قۇرەيشلەرمۇ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرى ئۇنى بەنى سەئەد قەبىلىسىدىكى بىر كاھىننىڭ قېشىغا دەۋالىشىپ ئېلىپ چىقىشتى. ئۇلار تېخى قايتماي تۇرۇپ، ئاللاھ ئۇلارغا يول ئۈستىدىلا بىر مۆجىزە كۆرسىتىپ ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ زەمزەمنى يالغۇز باشقۇرۇشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. مۇشۇ چاغدا ئابدۇلمۇتەللىپ: «ئاللاھ ماڭا ئون ئۇغۇل پەرزەنىت ئاتا قىلىپ، ئۇلار ماڭا ئارقا تېرەك (يۆلەنچۈك) بولغۇدەك بولسا، ئۇلارنىڭ بىرىنى كەئبىنىڭ ئالدىدا قۇربانلىق قىلىمەن» دەپ نەزر قىلدى.
2. پىل ۋەقەسى: ئۇنىڭ جەريانى شۇكى، ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىينىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق ۋالىيسى ئەبرەھەتۇسسەبباھ ئەرەبلەرنىڭ مەككىگە ھەجگە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سەنئا غا چوڭ بىر چېركاۋ سالدۇردى ۋە ئەرەب ھاجىلىرىنى مۇشۇ چېركاۋنى تاۋاپ قىلىشقا يۈزلەندۇرمەكچى بولدى. بۇنى ئەرەبلەرنىڭ كەنانە قەبىلىسىدىن بىر كىشى ئاڭلاپ كېچىلەپ بېرىپ چېركاۋغا كىرىپ چوڭ تەرەت قىلىپ پىشەپنى چىركاۋنىڭ مىھرابلىرىغا سۇۋاپ قويۇپ قېچىپ كەتتى. ئەبرەھە بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق دەرغەزەپ بولدى ۋە زور قوشۇن (60 مىڭ كىشىلىك) بىلەن كەئبىنى يىقىپ تاشلاشقا ئاتلاندى. ئەبرەھە قوشۇنىدىكى توققۇز ياكى ئون ئۈچ جەڭ پىلىدىن ئەڭ چوڭىدىن بىرىگە ئۆزى مىندى ۋە تېز سۈرئەت بىلەن يول يۈرۈپ ئاخىرى مەككىنىڭ سىرتىدىكى مۇغەممەس دېگەن جايغا كېلىپ چۈشتى. بۇ يەردە قوشۇننى قايتا رەتكە سېلىپ پىل (ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدىكى تانكا، بىرونىۋىك ۋە بومباردىمانچى قىسىمنىڭ رولىنى ئوينايتتى) قوشۇنىنى ھەربىي ھالەتكە ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنقى سەپكە تىزدى ۋە مەككىگە باستۇرۇپ كىرىشكە تەييارلاندى. دۈشمەن قۇشۇنى مۇزدەلىفە بىلەن مىنا تېغى ئارىلىقىدىكى ۋادى مۇھەسسەر دېگەن جايغا كەلگەندە، ئەبرەھە ئولتۇرغان چوڭ پىل يېتىۋالدى، ئۇلار ئۇنى قوپارسا كەئبە تەرەپكە بىر قەدەممۇ ئالمايتتى. جەنۇب شىمال ۋە ياكى شەرىق تەرەپكە قاراتسا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ يۈگۈرەيتتى، يەنە كەئبە تەرەپكە قاراتسا دەرھال يېتىۋالاتتى. ئەبرەھە تەرەپ پىللار بىلەن ھەپىلىشىپ تۇرۇۋاتقان پەيتتە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ-توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى. قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى تاشلاپ ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى. بۇ قۇشلار خۇددى قارلىغاچ ۋە سۇندۇكلارغا ئوخشايتتى. ھەر بىر قۇش تۇمشۇقىدا بىر تال، ئىككى پۇتىدا بىر تالدىن ئىككى تال پۇرچاق چوڭلىقىدا ساپال تاشلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا تاشلاشقا باشلىدى، تاش تەككەنلا كىشىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى لەخشە-لەخشە ئاجراپ چۈشۈپ ھالاك بولاتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا، تۈگەشكەن بولماستىن بەلكى ئۇلار قاتتىق پاتپاراقچىلىقتا قېچىپ يۈرۈپ، ھەر قايسى يول ئېغىزلىرى ۋە سۇ بويلىرىدا توپا چىشلەشكەن، دېيىلىدۇ.
ئەمما ئەبرەھەگە ئاللاھ بىر خىل كېسەل سېلىپ مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۇنىڭ ئۇگە بارماقلىرى ئاجراپ چۈشۈشكە باشلىغان، ئۇ سەنئاغا يېتىپ بارغاندا ھەممە ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ، ئەمدىلا تۇخۇمنىڭ ئىچىدىن چىققان چۈجىگە ئوخشاش بولۇپ قالغان ئىدى ئاخىرى ئۇ كۆكرىكى يېرىلىپ يۈرىكى ساڭگىلاپ قېلىپ ئۆلدى. بۇ چاغدا قۇرەيش خەلقى دۈشمەن قۇشۇنىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىشىدىن قورقۇپ، تاغ چوققىلىرى ۋە جىلغا-جىرالارغا مۆكۈنۈۋېلىشقانىدى. ئۇلار ئەبرەھە قوشۇنىنىڭ كۈتۈلمىگەن تالاپەتكە يولۇققانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئاندىن مەككىگە قايتىپ كىرىشتى.
بۇ ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام تۇغۇلۇشتىن ئەللىك ياكى ئەللىك بەش كۈن (كۆپ ساندىكىلەرنىڭ قارىشىدا ئەللىك بەش كۈن) ئىلگىرى مۇھەررەم (1-ئاي)دا يۈز بەرگەن بولۇپ، مىلادىيە 571- يىلى 2- ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ۋە 3- ئاينىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋەقەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز پەيغەمبىرى ۋە مۇقەددەس بەيتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئالدىن ئىشلىگەن تەييارلىق خىزمىتى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، بىز بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئاھالىسى (ئۆز زامانىسىدىكى) ئىمان ئەھلى تۇرۇقلۇق ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان مۇشرىكلارنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىشىغا ئۈچرىدى. مەسىلەن: مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 587- يىلى بۇختى نەسىرنىڭ ۋە مىلادى 70- يىلى رۇملۇقلارنىڭ قىرغىن قىلىشىغا ئۇچرىدى. لېكىن، بۇ قېتىم كەئبە شەرىفنى ئالساق، ناسارالار-خرىستىئانلار (شۇ دەۋرنىڭ ئىمان ئەھلى، مۇسۇلمانلىرى تۇرۇقلۇق) كەئبىگە ئۆزىنىڭ ئىشغالىيەت قولىنى سۇنۇشقا قادىر بولالمىدى. ھالبۇكى، كەئبە ئاھالىسى بۇ چاغدا تېخى پۈتۈنلەي مۇشرىك ئىدى.
مەزكۇر ۋەقەنىڭ خەۋىرى شۇ دەۋردىكى تەرەققىي تاپقان ئەللەرگە تېزدىن تارالدى. ئالايلى، ھەبەشلەر رۇملۇقلار بىلەن ئىنتاين قويۇق مۇناسىۋەتتە ئىدى. ئىرانلىقلار بولسا، رۇم ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ رەسەتخانىدىن چىقمايتتى. شۇڭا بۇ ۋقە يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىرانلىقلار يەمەننى بېسىۋالدى. چۈنكى، ئەينى چاغدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت دۇنيانىڭ خوجايىنلىق ئورنىنى تالىشىۋاتاتتى. بۇ ۋەقە يەنە دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى ۋە بەيتۇللاھنىڭ ئۇلۇغلاشقا ئەرزىيدىغان مۇقەددەس بەيت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئاھالىسىدىن بىر كىشى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ «مەن پەيغەمبەر دەپ» كەلسە، بۇ شەكسىزكى ئاشۇ ۋەقە تەقەززا قىلغان ئىشنىڭ ئۆز ئەينى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئۇسۇل بىلەن ئىمان ئەھلى ئۈستىدىن مۇشرىكلارغا ياردەم بېرىشىدىكى سىرلىق تېپىشماقنىڭ يېشىلگەنلىكىنى بولاتتى، ئەلۋەتتە.
ئاللاھ ئابدۇلمۇتەللىپكە ئون ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلدى. ئۇلار ھارس، زۇبەير، ئەبۇ تالىب، ئابدۇللاھ، ھەمزە، ئەبۇ لەھەپ، غەيداق، مىقوەم، سىيفار ۋە ئابباس قاتارلىقلار. يەنە بىر سۆزدە 11 ئىدى، دېيىلىپ «قەسەم» ئىسىملىك بىرسى قوشۇپ قويىلىدۇ. ئۈچىنچى بىر سۆزدە ئون ئوغۇل ئىدى، دېيىلىپ ئابدۇلكەئبە ۋە ھەجەل دەپ ئىككىسى زىكرى قىلىنىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئابدۇلكەئبە مىقوەم شۇ ئىكەن، ھەجەل دېگىنى غەيداق ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ قەسەم دەپ ئوغلى يوق ئىكەن. قىزلىرى: ئۇممى ھەكىم (ئۇ بەيزا دەپ ئاتىلاتتى)، بەررە، ئاتىكە، سەفىيە، ئەرۋا ۋە ئۇمەيمەلەدۇر.
1. ئابدۇللاھ رەسۇلۇللاھنىڭ ئاتىسى (ئابدۇللاھنىڭ ئانىسى فاتىمە ئەمرىنىڭ قىزى ئەمرى ئائىزنىڭ ئوغلى ئائىز ئىمراننىڭ ئوغلى ئىمراننىڭ ئاتىسى مەخزۇم يەقزەنىڭ ئوغلى يەقزە موررەنىڭ ئوغلىدۇ) ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ بالىلىرى ئىچىدە ھەممىدىن چىرايلىق ھەم ئوڭلۇق چوڭ بولغاچقا، ئابدۇلمۇتەللىپكە بەك يېقىن تۇراتتى. ئۇنىڭ زەبىيھ (قۇربانلىق) دېگەن نامى بار بولۇپ، ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق بولغان: ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى ئونغا يېتىپ ئۇنىڭ كەينىدە قاتار تۇرغىدەك بولۇۋىدى، ئۇ بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى نەزرىسىنى ئۇقتۇردى، ئوغۇللار بىردەك: «ئەلھۆكمۇللاھى»، دېيىشىپ تەقدىرگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلمۇتەللىپ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئىش سوراش ئوقىغا يېزىپ، ھۇبەل دېگەن بۇتنىڭ شەيخىغا بەردى. شەيخ راھىب ئوقلارنى بىر ئۆرۈپ ئېلىۋىدى، قۇربانلىقنى كۆرسىتىدىغان ئوق ئابدۇللاھنىڭ نامىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلمۇتەللىپ قولىغا پىچاقنى ئېلىپ ئابدۇللانى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كەئبە تەرەپكە قاراپ ئېلىپ ماڭدى. قۇرەيشلەر ئابدۇلمۇتەللىپنى توستى. بولۇپمۇ ئابدۇللاھنىڭ بەنى مەخزۇم جەمەتىدىن بولغان ئانا تاغىلىرى ۋە بىر قورساق قېرىندىشى ئەبۇ تالىب قاتتىق تىكىلىپ تۇرۇۋالدى. بۇ چاغدا ئابدۇلمۇتەللىپ: «ئۇنداقتا مەن نەزرەمنى قانداق قىلىمەن؟»، دېگەنىدى، ئۇلار ئابدۇلمۇتەللىپكە ئەررافنىڭ قېشىغا بېرىپ مەسلەھەت سوراپ بېقىشنى ئېيتتى. ئابدۇلمۇتەللىپ ئەرراف نىڭ يېنىغا كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلىۋىدى، ئەرراف ئۇنىڭغا ئابدۇللاھ بىلەن ئون تۆگە ئوتتۇرىسىدا چەك تاشلاپ كۆرۈشنى، ناۋادا قۇربانلىق ئابدۇللاھغا چىقىپ قالسا، تۆگىدىن يەنە ئوننى قوشۇپ تاكى تەڭرى رازى بولغانغا قەدەر ئوندىنلا قوشۇپ چەك ئۆرۈشنى، چەك تۆگىگە چىققاندا، ئاندىن تۆگىنى قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرىدى. ئابدۇلمۇتەللىپ قايتىپ كېلىپ ئابدۇللاھ بىلەن ئون تۆگە ئوتتۇرسىدا چەك تاشلاپ كۆرۈۋىدى، چەك ئابدۇللاھقا چىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلمۇتەللىپ ھەر قېتىمدا ئوندىنلا قېتىپ چەك ئۆرۈشكە باشلىدى، ئەمما چەك داۋاملىق ئابدۇللاھقىلا چىقاتتى. ئاخىر ئونىنچى قېتىمدا ئاندىن چەك تۆگىگە چىقتى. ئابدۇلمۇتەللىپ شۇ ھامان ھېلىقى تۆگىلەرنى قۇربانلىق ئۈچۈن زەبھى قىلدى ۋە ئۇنىڭ گۆشىنى مەيلى ئادىمىزات مەيلى گۆشخور ھايۋانات ھېچقايسىسىدىن توسمىدى. قان دىيىتى (تۆلىمى) قۇرەيش ئىچىدە، بەلكى بارلىق ئەرەب خەلقلىرى ئارىسىدا پەقەت ئون تۆگىلا بولاتتى. مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن 100 تۆگە تۆلەم ئېلىش جارى بولدى. بۇنى ئىسلام دىنىمۇ شۇ بويىچە يولغا قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «مەن ئىككى قۇربانلىقنىڭ ئوغلىدۇرمەن»، يەنى ئىسمائىل(ئەلەيـھىسسالام)بىلەن ئاتىسى ئابدۇللانى دېمەكچى.
ئابدۇلمۇتەللىپ بىر ئۆلۈمدىن قالغان بۇ تەۋەررۈك ئوغلىغا ۋەھەب ئىبنى ئابدۇمانافنىڭ قىزى ئامىنەنى جۆرىلىككە تاللىدى. ۋەھەب ئابدىمانافنىڭ ئوغلى ئىدى. ئابدۇمانافنىڭ ئاتىسى زۆھرە كىلابنىڭ ئوغلى ئىدى. ئامىنە شۇ ۋاقىتتا قۇرەيش قەبىلىلىرى ئىچىدە نەسەب ۋە ئىجتىمائىي ئورۇن جەھەتتە ئەڭ فازىل ۋە ئېسىل ئايال بولۇپ، ئاتىسى ۋەھەب بەنى زۆھرە قەبىلىسىنىڭ نەسەب ۋە مەنسەپ تاجىدارى ئىدى. ئابدۇللاھ ئامىنىگە ئۆيلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاتىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئۇنى مەدىنىگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى ۋە شۇ سەپىرىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئابدۇللا بۇ قېتىم شامغىچە بارغان ۋە قۇرەيش كارۋىنى بىلەن قايتىشتا مەدىنىگە چۈشكەن. ئۇ شۇ چاغدا قاتتىق كېسەل ئىدى ۋە شۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ۋە نابغەتولجەئدى مەھەللىسىدە دەپنە قىلىنغان. ئۇ بۇ چاغدا 25 ياشتا بولۇپ. رەسۇلۇللاھمۇ تېخى تۇغۇلمىغانىدى. كۆپىنچە تارىخچىلار شۇنداق قارايدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ سۆزىدە ئابدۇللا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام تۇغۇلۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن دەيدۇ. ھەر ھالدا ئابدۇللاھنىڭ ۋاپات قىلغانلىقى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر مەككىگە يېتىپ كېلىۋىدى، ئامىنە تۆۋەندىكى تەسىرلىك مەرسىيىسىنى ئوقۇدى:
بەتھانى قويۇپ بەردىڭ ھاشىم ئوغلى ئابدۇللاھ،
ئەل يۇرتىدا لەھەتكە كىرىپ ياتتىڭ ئابدۇللاھ.
ئۆلۈملەر چاقىرىپ كەتتى سېنى، ئەل بولدۇڭ كەلمەسكە،
ئانىلار تۇغالماس كېيىن سېنىڭدەكنى ئابدۇللاھ.
ئەرشىڭنى كۆتۈرگەنلەر ئاخشىمى قاراڭغۇدا،
بېسىم باسماققا لىق تولدى، ئەنە شۇنچە كەڭ دالا.
كۆرۈنگەنگە ئوخشايسەن ئۆلۈم كۆڭلىگە بەك قىممەت،
كەڭ قوللۇقتا تەڭداشسىز، كىچىك كۆڭۈل ئابدۇللاھ.
ئابدۇللا قويۇپ كەتكەن مال-دۇنيانىڭ جىمىسى بەش تۆگە بىر نەچچە تال قوي ۋە بەرىرە ئىسىملىك بىر نېگىر چاكار قىز ئىدى. ئۇنىڭ كونىيتى (تەخەللۇس ئىسمى) ئوممۇ ئەيمەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى باققۇچىسى بولغان.
رەسۇلۇللاھنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرىكى 40 يىل
رەسۇلۇللاھنىڭ دۇنياغا كېلىشى
بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ دۇنياغا كېلىشى”جىمى پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى سەييىدىمىز مۇھەممەدۇن سەللەللاھۇ ئەلەيـھى ۋەسەللەم ئىران شاھى نوشىرۋان ھاكىمىيىتىنىڭ 40- يىلى، مەككىدە يۈز بەرگەن پىل ۋەقەسىنىڭ 1- يىلى، رەبىئۇلئەۋۋەل (3- ئاي) نىڭ 9- كۈنى سەھەردە مەككىدىكى بەنى ھاشىم كوچىسىدا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ ئاي ۋە كۈنلەر ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سۇلايمان مەنسۇر فورى ۋە ئاتاقلىق ئاستىرونوم تەتقىقاتچى مەھمۇد پاشالارنىڭ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشىچە، مىلادىيە 571- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى ياكى 22- كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن.
ئىبنى سەئەدنىڭ رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئانىسى مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇ (مۇھەممەد)نى تۇغقاندا قورسىقىمدىن بىر نۇر چىققاندەك مەلۇم بولدى، ئۇ نۇر بىلەن شام قەسىرلىرى يورۇپ كەتتى». ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنىڭغا يېقىن بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان.
رىۋايەتلەرنىڭ خۇلاسىسىدىن قارىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام تۇغۇلغان كۈنى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك ئالدىن بىشارەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن نامايەن بولغان؛ ئىران خان ئوردىسىنىڭ پىشايۋىنىدىن 14 كۆز دەرىزە چۈشۈپ كەتكەن. مەجۇسى (ئوتپەرەس)لەر ئىبادەت قىلىۋاتقان (ئاتالمىش مۇقەددەس) ئوت توساتتىن ئۆچۈپ قالغان. ساۋە كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى چېركاۋلار يېقىلىپ دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن ۋە ئارقىدىنلا كۆلنىڭ سۈيى جىمىپ كەتكەن. بۇنى بەيھەقى رىۋايەت قىلدى.
رەسۇلۇللاھ تۇغۇلغان ھامان بوۋىسى ئابدۇلمۇتەللىپكە خەۋەر قىلىندى. ئابدۇلمۇتەللىپ ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا كېلىپ ئۇ (رەسۇلۇللاھ)نى كەئبىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىردى. ئۇ كەئبە ئىچىدە ئاللاھقا دۇئا قىلدى ۋە شۇكرى سەنا ئېيتتى ۋە «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنى تاللاپ ئات قويدى (بۇ ئىسىم ئەرەبلەردە يوق دىيەرلىك ئىسىم ئىدى) ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بويىچە يەتتىنچى كۈنى خەتنە قىلدۇرۇۋەتتى.
رەسۇلۇللاھنى (ئۆز ئانىسىدىن قالسا) تۇنجى بولۇپ ئېمىتكەن ئىنىك ئانا ئەبۇ لەھەبنىڭ ئازادگەردە(ئازاد قىلىۋەتكەن) دېدىكى سۇۋەيبە بولدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنى مەسرۇھ ئىسىملىك بىر ئوغلىنىڭ سۈتى بىلەن ئېمىتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىمۇ ئېمىتكەن. رەسۇلۇللاھتىن كېيىن، بەنى مەخزۇم جەمەتىدىن ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇلسەئەدنى ئېمىتتى.
بەنى سەئەد قەبىلىسىدە
ئەۋلادلىرىنىڭ شەھەر بالىلىرىدا كۆرۈلىدىغان ھورۇنلۇق، تەييار تاپلىق ئىللەتلىرىدىن خالى، بەدىنى تىمەن، ئەت-مۇسكۇللىرى چىڭ، كىچىكىدىنلا ئەرەبچىگە تىلى پىششىق چوڭ بولۇشى ئۈچۈن بوۋاقلىرىغا سەھرالاردىن ئىنىك ئانا تېپىپ بېرىش ئەرەب شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى ئىدى. شۇڭا ئابدۇلمۇتەللىپمۇ رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ئېنىك ئانا ئىزدىدى ۋە بەنى سەئەد قەبىلىسىدىن بىر خوتۇن (ئۇ ھەلىمە بىنتى ئەبى زۇئەيب)غا ئېمىتىپ بېرىشكە بەردى. ھەلىمەنىڭ ئېرى ھارىس ئىبنى ئابدۇلئۇززا ئەبۇ كەبىشە دېگەن تەخەللۇس بىلەن مەشھۇر ئىدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ بەنى سەئەد قەبىلىسىدىكى ئېمىلدەش بىر تۇغقانلىرىدىن ئابدۇللا ئىبنى ھارىس، ئەنسىيە بىنتى ھارىس، ھۇزافە ياكى جۇزامە بىنتى ھارىس (ئۇ شەيما دېگەن لەقەم بىلەن مەشھۇر بولغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئىنىك ئانىسىغا بېقىشىپ بەرگەن) ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھارىس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى ئەبۇسوفىيان ئىبنى ھارىس قاتارلىقلار بار.
رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپمۇ بەنى سەئەد قەبىلىسىدە ئىمىتىشكە بېرىلگەندە، رەسۇلۇللاھ ھەلىمەنىڭ يېنىدىكى ۋاختىدا ھەمزەنىڭ ئىنىك ئانىسى ئۇنى بىر كۈن مىقدارى ئېمىتىپ بەرگەن. شۇ جەھەتتىن ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھقا ئىككى تەرەپتىن، بىرى ئەبۇ لەھەبنىڭ دېدىكى سوۋەيبە تەرىپىدىن، يەنە بىرى بەنى سەئەدلىك ئىنىك ئانىسى تەرىپىدىن ئېمىلدەش كېلىدۇ.
ھەلىمە رەسۇلۇللاھنى ئېمىتىپ بېرىشكە ئالغاندىن كېيىن، ئاجايىپ-غارايىپ بەرىكەتلەرنى كۆرگەن. ئەمدى، بىز ئۇنى ئەمەلىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى…
ئىبنى ئىسھاقنىڭ ئېيتىشىچە، ھەلىمە تۆۋەندىكى بايانلارنى ئۆز ئېغىزى بىلەن سۆزلەپ بەرگەن: ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى ئېلىپ ئېرى بىلەن بىرگە شۇ قەبىلىدىن بىر قانچە خوتۇن بىلەن ئىجارىگە ئېمتىدىغان بالا ئىزلەپ، ئۆز يۇرتلىرىدىن مەككىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ يىلى قەھەتچىلىك بىر يىل بولغانىدى. بىز ھەممە نەرسىدىن ئايرىلغانىدۇق. بىزنىڭ بىرلا ئاق مادا ئېشىكىمىز بار بولۇپ، مەن ئاشۇ ئېشەككە مىندىم. بىزنىڭ يەنە بىر تال سۇ توشۇش تۆگىمىزمۇ بار ئىدى. ئەمما، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭدىن بىر تېمىم سۈت چىقسا كىمنىڭ ھەققى؟! قۇچىقىمدىكى ھېلىقى بالامنىڭ ئاچلىق زارىدىن پۈتۈن بىر كېچە كۆز يۇممىدۇق. نە مېنىڭ ئەمچىكىمدىن، نە تۆگىنىڭ ئەمچىكىدىن بوۋاقنىڭ نەپسىنى ئارام ئالدۇرغۇدەك بىر نەرسە چىقمايتتى. ھەممىمىز يامغۇر يېغىپ، يۇرتىمىزنىڭ مەمۇرچىلىققا ئايلىنىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق. مەن ھېلىقى ئېشەككە مىنىپ يولغا چىقتىم. ئېشىكىمىزنىڭ ئورۇق ئاجىزلىقى ھەمراھلىرىمىزنىڭ تېز يول يۈرۈشىگە پۇتلىكاشاڭ بولدى بولغاي، ئۇلار بەزىدە غودۇرىشىپ، بەزىدە ئالدىمىزدا ئىلگىرىلەپ مېڭىپ، ئاخىرى مەككىگە يېتىپ كېلىپ ئىجارىگە ئېمىتىدىغان بالا ئىزلەشكە كىرىشىپ كەتتۇق. مەن بىلەن بىللە كەلگەن ئاياللارنىڭ قايسى بىرسىگە رەسۇلۇللاھ توغرا قىلىنىپ، ئۇنىڭ يېتىملىقى تىلغا ئېلىنسا، ئۇنىڭدىن قاچاتتى. سەۋەبى ھەممىمىز بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن كۆپرەك خەيرخاھلىق كېلىشىنى كۆتەتتۇق. شۇڭا بىز: ‹يېتىم ئىكەن! تۇل خوتۇن دېگەننىڭ نېمىگە قۇربى يېتەتتى!› دەيتتۇق. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، يېتىم بالىلار ئانچە خوش ياقمايتتى. مەندىن باشقا ھەمراھلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىردىن بوۋاقنى ئېمىتىپ بېرىشكە ئىجارىگە ئېلىپ قۇچاقلىشىپ مېڭىشتى. پەقەت مەنلا قالدىم، قايتىش ۋاقتى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، مەن ئېرىمگە: ‹بىللە كەلگەن خوتۇنلار ئارىسىدا ئېمىتىشكە بالا ئالماي قۇرۇق قول قايتىشتىن نومۇس قىلىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەزبىرايى خۇدا، مەن بېرىپ ئاشۇ يېتىم بالىنى بولسىمۇ ئەكىلەيمىكىن دەيمەن›، دېدىم. ئۇ: ‹ئالساڭ بولىدۇ، ئاللاھ ئاشۇ بالىنىڭ سەۋەبى بىلەن بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسا ئەجەب ئەمەس›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بېرىپ رەسۇلۇللاھنى ئىجارىگە ئېمىتىپ بېرىشكە ئالدىم. مەن ئۇ (رەسۇلۇللاھ)نى ئۇنىڭدىن باشقا ئىجارىگە ئىمىتىدىغان بالا تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈنلا ئالغانىدىم». ھەلىمە سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇ (رەسۇلۇللاھ)نى ئېلىپ ياتاققا قايتىپ كېلىپ قۇچىقىمغا ئېلىۋىدىم، ئەمچىكىمدىن سۈتلەر شۇرقىراپ ئېقىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېمىپ قاندى، ئارقىدىن بىز بىرگە ئېلىپ كىرگەن ھېلىقى ئوغلىمىزمۇ ئەمدى. ئاندىن ھەر ئىككلىسى ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئارامىمىزدا ئۇخلىيالمىغانىدۇق، مەن بالا ئىمىتىۋاتقان پەيتتە، ئېرىم تۆگىگە قارىغىلى بارغانىكەن، تۆگىنىڭ ئەمچەكلىرى ئېسىلىپ ئېتىلغۇدەك بولۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆگىنى سېغىپ ئەكەلدى، ئەر-خوتۇن ئىككىمىز ئىچىپ قاندۇق. قورساقلىرىمىزمۇ قاپاردى. بۇ بىز ئۈچۈن مەككىدە ئارامىمىزدا ئۇخلىغان راھەتلىك بىر كېچە بولۇپ قالدى. ئەتىسى ئېرىم ماڭا: ‹بىلەمسىز ھەلىمە! سىز مۇبارەك بىر بوۋاققا ئانا بولۇپ قاپسىز›، دېدى. مەنمۇ: ‹شۇنداق بولغىيتتى، ئىلاھىم!› دېدىم. ئاندىن ئېشەك ئۇلاغلىرىمىزغا مىنىشىپ يۇرتىمىزغا راۋان بولدۇق. مەن ھېلىقى ئاق مىدەمگە مىنىپ، ئۇ (رەسۇلۇللاھ)نى تۇتۇپ ئولتۇردۇم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ كەتتىم. ھەتتا سەپەرداش ئاياللار: ‹ئى ھەلىمە!
ئېشىپ كەتكىنىڭنى قارا، بىزنىمۇ ئويلاپ قويساڭچۇ؟ مەھەللىدىن مىنىپ چىققان مادا ئېشىكىڭ مۇشۇ ئەمەسمۇ؟›، دەيتتى. مەن: ‹ھەئە شۇ، چوقۇم شۇ›، دەيتتىم. ئۇلار: ‹ئەزبىرايى خۇدا، ئەجەبا ئۇنىڭ ئېشىكىگە جان كىرىپ قاپتا!› دېيىشەتتى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى يۇرتىمىز بەنى سەئەد زېمىنىگە قەدەم باستۇق. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يەر يۈزىدە بىزنىڭ زېمىنىمىزدەك قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك زېمىننىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم. لېكىن، بىزنىڭ قويلىرىمىز ئاشۇ كۈندىن ئېتىبارەن قورساقلىرى توق ئەمچەكلىرى ئېسىلگەن ھالدا قايتىپ كېلىدىغان بولدى. ھېچكىمنىڭ قويىدىن ئەمەس، ھەتتا تۆگىسىدىنمۇ بىر تېمىم سۈت چىقمايۋاتسا، بىز قويلىرىمىزنى سېغىپ ئىچەتتۇق. ھەتتا قولۇم-قوشنىلار پادىچىلىرىغا: ‹ھەي سىلەرنى… قويلارنى ھەلىمىنىڭ قويلىرى ئوتلىغان يەرلەردە ئوتلاتساڭلار بولمامدۇ؟› دەپ تاپىلاشقان بولسىمۇ، كەچلىكى يەنىلا ئۇلارنىڭ قويلىرى ئاچ، ئەمچەكلىرى قاقاچ قايتىپ كېلەتتى. بىزنىڭ قويلىرىمىز قورساقلىرى قاپارغان، ئەمچەكلىرى ئېسىلگەن ھالدا قايتىپ كېلەتتى. بىز تاكى رەسۇلۇللاھ ئىككى ياشقا توشۇپ، بىزدىن ئايرىلغانغا قەدەر خۇدايى تائالانىڭ ئالاھىدە پەزلى-ئېھسانىغا نائىل بولۇپ تۇردۇق. رەسۇلۇللاھ باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە تېز چوڭ بولغاندەك قىلاتتى، ھەتتا ئۇ ئىككى يېشىغا توشماي تۇرۇپلا، چوپ-چوڭ بالا سىنىغا كىرىپ قالدى».
ھەلىمە يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ (رەسۇلۇللاھ)نى ئايرىپ بولغاندىن كېيىن مەككىگە ئانىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدۇق. ۋەھالەنكى، بىز (ئۇنىڭ بەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغان بولغاچقا) ئۇنىڭ قېشىمىزدا داۋاملىق قېپقېلىشىغا تولىمۇ تەشنا ئىدۇق، شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئانىسىغا گەپ قىلدۇق ۋە ئۆزۈم شەخسەن: ‹ئوغلىمىزنى ئوبدانراق چوڭ بولغىچە يېنىمىزدا قويسىڭىز! مەن ئۇنىڭغا مەككىنىڭ ۋابا (بىر خىل يوقۇملۇق كېسەل) كېسىلىنىڭ تېگىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن›، دېدىم ۋە ئاخىرى ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە قايىل قىلدۇق».
مانا مۇشۇنداق قىلىپ رەسۇلۇللاھ بەنى سەئەد دىيارىدا تۇرۇپ قالدى. ھەتتا 4 — 5 ياشلارغا كىرىۋىدى، ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئىمام مۇسلىم ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى بالىلار بىلەن ئويناۋاتاتتى، جىبرىئىل (ئەلەيـھىسسالام) كېلىپ رەسۇلۇللاھنى تۇتقانچە يېقىتتى ۋە كۆكرىكىنى يېرىپ يۈرىكىنى سىرتقا ئالدى ۋە ئۇنىڭدىن كاللەك لەختە قانلارنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىپ: «بۇ سەندىكى شەيتاننىڭ نېسىۋىسى ئىدى»، دېدى. ئاندىن ئۇنى ئالتۇن داسقا سېلىپ، زەمزەم سۈيى بىلەن يۇغاندىن كېيىن ئۆز جايىغا قايتۇرۇپ ھىملىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن بالىلار رەسۇلۇللاھنىڭ (ئىنىك) ئانىسىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ: «مۇھەممەدنى بىرسى ئۆلتۈرۈۋەتتى»، دەپ خەۋەر قىلىشتى. ئۇلار ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشۈپ كەلسە، رەسۇلۇللاھ ئاللىقاچان ھوشىدىن كەتكەن ھالدا رەڭگى-رويى ساماندەك سارغىيىپ ياتاتتى.
مېھرىبان ئانا باغرىدا
مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەلىمە رەسۇلۇللاھنىڭ كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە ئۇچراپ قېلىپ، ئانىسى ئالدىدا يۈز كېلەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، مەككىگە ئەكىرىپ ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئالتە ياشقا كىرگەنگە قەدەر ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە بولدى.
شۇ كۈنلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ ئانىسى ئامىنە ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان مەرھۇم ئېرىنىڭ روھىنى ئەسلەپ ئۇنىڭ يەسرەبتىكى تۇپراق بېشىنى زىيارەت قىلىپ كەلمەكچى بولدى. شۇڭا، ئۇ يېتىم ئوغلى (مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام)نى ۋە دېدىكى ئۇممۇ ئەيمەننى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ 500 كىلومېتىردەك مۇساپىنى نىشانلاپ مەككىدىن يولغا چىقتى. ئابدۇلمۇتەللىپمۇ بۇ دىلى سۇنۇق كېلىنىگە مەھرەم بولۇپ بىرگە چىققانىدى. ئامىنە مەدىنىدە بىر ئاي تۇرغاندىن كېيىن قايتىش تەرەددۇتىدا تۇرغاندا، ئۇنىڭغا ئۇشتۇمتۇت ئېغىر كېسەل تەگدى. ئۇ يولغا چىققاندىن كېيىن، كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاپ مەككە بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدىكى ئەبۋا دېگەن يەرگە كەلگەندە ئاخىرى بولالماي ئۆلۈپ كەتتى.
كۆيۈمچان بوۋا تەربىيىسىدە
ئامىنەنى ئەبۋاغا دەپنە قىلىپ قويغاندىن كېيىن، ئابدۇلمۇتەللىپ رەسۇلۇللاھنى ئېلىپ مەككىگە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە قەلب جاراھىتى قايتا يېڭىلانغان بۇ مۇسىبەتدار نەۋرىسىگە نىسبەتەن ھېسداشلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشماقتا ئىدى، شۇڭا ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھېچقايسىسىگە كۆرسەتمىگەن ئىللىقلىقنى مۇشۇ نەۋرىسىگە يەتكۈزەتتى ۋە ئۇنى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن يالغۇزلۇقىغا تاشلىۋەتمەستىن، بەلكى ھەممە بالىلىرىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قوياتتى. ئىبنى ھىشام مۇنداق دەيدۇ: «كەئبە سايىسىدا ئابدۇلمۇتەللىپكە ئاتاپ كۆرپە سېلىپ تەييارلىناتتى. ئابدۇلمۇتەللىپ كۆرپىگە چىققۇچە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كۆرپىنىڭ ئۆپچۆرىسىدە ئولتۇرۇپ تۇراتتى. ئاتىسىغا ھۆرمەت بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھېچكىم ئۇنىڭ بىساتىغا قەدەم باسمايتتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ خېلى چوڭ بولۇپ قالغان بولۇپ ئۇ بوۋىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئويناقشىپ كېلىپ كۆرپىگە چىقاتتى-دە، ئۇنىڭ تاغىلىرى ئۇنى ئاتىسىنىڭ كۆرپىسىدىن يىراق قىلىۋەتمەكچى بولاتتى، بۇ چاغدا ئابدۇلمۇتەللىپ: «بۇ بالامنى مەن بىلەن ئولتۇرغىلى قويۇڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ بالامدا چوقۇم بىر خىسلەت بار»، دەيتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھنى فىراش ئۈستىدە قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ ئۈستى-باشلىرىنى سىلاپ، ئۇنىڭ ئويۇن ھەرىكەتلىرىدىن سۆيۈنۈپ ھوزۇرلىناتتى ۋە ئۇنى سۆيۈپ ھىدلايتتى، رەسۇلۇللاھ سەككىز ياشقا كىرىپ ئىككى ئاي ئون كۈن توشۇۋىدى، بوۋىسى ئابدۇلمۇتەللىپ مەككىدە ئالەمدىن ئۆتتى ۋە جان ئۈزۈش ئالدىدا بۇ نەۋرىسىگە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قان قېرىندىشى ئەبۇ تالىبنىڭ (چۈنكى، ئابدۇللاھ بىلەن ئەبۇ تالىبنىڭ ئانىسى بىر ئىدى) كېپىل بولۇشنى تەۋسىيە قىلىپ كۆز يۇمدى.
شەپقەتلىك تاغا ھىمايىسىدە
ئەبۇ تالىب ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئوغلىنىڭ ھەققىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئادا قىلدى. ئەبۇ تالىب ئۇنى ئۆز بالىلىرىغا قوشۇۋالدى. بەلكى تېخى ئۇنى ئۆز بالىلىرىدىنمۇ چارىراق كۆردى. ئۇ رەسۇلۇللاھنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيتتى ۋە قەدىرلەيتتى. 40 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھنىڭ پىشىنى كۆتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا ھىمايە تونىنى يېپىپ، باشقىلار بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن دوستلىشىپ، رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ئاداۋەتلىشىپ كەلدى. بۇنىڭ بىر قىسمى ئۆز نۆۋىتىدە بايان قىلىنىدۇ.
رەسۇلۇللاھ بىلەن سۇ تىلەش
بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ بىلەن سۇ تىلەش”ئىبنى ئەساكىر جەلھەم ئىبنى ئەرفەتەدىن نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە، جەلھەم ئىبنى ئەرفەتە مۇنداق دېگەن:«مەن بىر نۆۋەت مەككىگە كەلگەنىدىم، ئۇ ۋاقىتتا مەككىلىكلەر ئىنتايىن قەھەتچىلىك ئىچىدە ئىكەن. بىر كۈنى قۇرەيشلەر:‹ئى ئەبۇتالىپ ۋادىمىزدا قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ ئەھلى-ئەۋالادلىرىمىز ئاچارچىلىقتا قالدى، سۇ تىلەپ بەرگەن بولساڭ›، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇتالىپ چىرايى ۋەسلى گويا يامغۇردىن كېيىنكى قۇياشتەك نۇرانە ئوچۇق چىراي بىر بالىنى ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر قانچە بالا بىرگە ئويناۋاتاتتى، ئەبۇ تالىب ھېلىقى ئوغۇلنى قولىغا ئېلىپ دۈمبىسىنى كەئبىگە چاپلاپ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى، كۆك ئاسماندا بۇلۇتنىڭ قارسىمۇ كۆرۈنمەيتى، بىردىنلا ئۇياق-بۇياقلاردىن پارچە-پارچە بۇلۇتلار كېلىپ، قارا بۇلۇتقا ئۆزگىرىپ ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، يامغۇر يېغىشقا باشلىدى ۋە بىردەمنىڭ ئىچىدىلا مەككە ۋادىسى ئېقىن بولۇپ ئاقتى، شەھەر-قىشلاق ھەممىسى كۆكلەمگە ئايلاندى».
ئەبۇ تالىب تۆۋەندىكى سۆزى بىلەن بۇ ۋەقەگە ئىشارەت بەرگەنىدى.
يۈزى ئاقدۇر، ئۇنىڭ بەرىكاتىدىن ياغار يامغۇر،
يېتىملەرگە كاپالەتچى، تۇللارغا بولار غەمخور.
راھىب بۇھەيرا
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام 12 ياشقا كىرگەندە (ئون ئىككى ياش ئىككى ئاي ئون كۈن دىگۈچىلەرمۇ بار) ئەبۇ تالىب ئۇنى شامغا تىجارەتكە بىللە ئېلىپ چىقىپ، بۇسرا دېگەن جايغىچە ئاپاردى (بوسرا شامغا تەۋە زېمىن بولۇپ، ھۇراننىڭ كىرىش ئېغىزى ئىدى. ھۇران شۇ مەزگىلدە رۇملۇقلارنىڭ ئىشغالىيتى ئاستىدىكى ئەرەب زېمىنلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى) ۋە بۇ شەھەردە بۇھەيرا نامى بىلەن مەشھۇر جىرجىس ئىسىملىك بىر راھىب بار ئىدى. تىجارەت كارۋىنى شەھەرگە چۈشكەندىن كېيىن راھىب كارۋاننىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ راھىب تالا-تۈزلەرگە ئانچە چىقىپ قالمايتتى، ئۇ كاۋاندىكىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ رەسۇلۇللاھقا سەپسېلىپ قارىدى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ كىتابىدىكى تونۇشتۇرۇشلىرىغا سېلىشتۇرۇپ تونۇۋالغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: «بۇ (بالا) پۈتۈن ئالەملەرنىڭ خوجىسىدۇر. بۇنى ئاللاھ ئادەملەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ»، دېدى. ئەبۇ تالىب: «بۇنى قانداق بىلىسەن؟» دېۋىدى، راھىب: «سىلەر داۋاندىن ئاشقاندىن تارتىپ بىرمۇ تاش- تىكەن قالماي ھەممىسى سەجدىگە باش قويدى، بۇنداق مەرتىۋە پەقەت پەيغەمبەرگىلا ئىلتىپات قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇنى قولىنىڭ ئوخرەك كۆمۈرچىكىنىڭ ئاستىدىكى پەيغەمبەرلىك مۆھۈرىدىن تونۇۋالدىم. بىزنىڭ كىتابلىرىمىزدا ئەنە شۇنداق تونۇشتۇرۇلغان»، دېدى ۋە ئەبۇ تالىبتىن رەسۇلۇللاھنى شامغا ئاپارماسلىقنى، ئۇنىڭغا يەھۇدىيلاردىن ھېزىي بولۇشنى ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ تالىب رەسۇلۇللاھقا چاكارلىرىدىن بىرنى قېتىپ مەككىگە يولغا سېلىۋەتتى.
فۇججار ئۇرۇشى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام 15 ياشقا كىرگەن يىلى قۇرەيش ۋە كەنانە قەبىلىلىرى بىلەن قەيىس ئېيلان قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى، ئۇرۇشقا قۇرەيش ۋە كەنانە تەرەپتىن پىشقەدەم نوپۇزلۇق شەخىس ھەرب ئىبنى ئومەييە قوماندانلىق قىلغانىدى.
ئەتىگەنلىك (بىرىنچى مەيدان) جەڭدە قەيىس ئېيلان تەرەپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەنىدى، چۈشلۈكتىكى (ئىككىنچى مەيدان) جەڭدە قۇرەيش ۋە كەنانە تەرەپ قەيىس ئېيلان تەرەپنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن مەغلۇپ قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ھەرەم زېمىنى ۋە ھارام ئايلارنىڭ ھۆرمىتى ئاياغ ئاستى قىلىنغاچقا، بۇ ئۇرۇش «فۇججار» (گۇناھكار)لار ئۇرۇشى، دەپ ئاتالدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالاممۇ بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە تاغىلىرىغا ئوق راسلاپ بەرگەن ئىدى.
خەيرىيەت ئۇيۇشمىسى
ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۇ يىلى زۇلقەئدە (11- ئايدا) مەككىدە خەيرىيەت ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى. ئۇيۇشمىغا قۇرەيش قەبىلىلىرىدىن بەنى ھاشىم جەمەتى، بەنى مۇتەللىپ جەمەتى، ۋە بەنى تەيم جەمەتلىرى قاتناشتى ۋە ئۇيۇشمىغا ئەزا قەبىلە ۋە ئايماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە نوپۇزلۇق ئەرباب ئابدۇللاھ ئىبنى جەدئاننىڭ قورۇسىغا يىغىلىپ: «مەيلى مەككىلىك، مەيلى ياقا-يۇرتلۇق ھەر قانداق بىر ئادەم مەككە تەۋەسىدە زۇلۇمغا ئۇچرىسا ئەزا قەبىلىلەر ھەممەيلەن بىردەك زولۇمغا ئۇچرىغۇچى تەرەپتە تۇرۇپ ھەقنى ئۆز جايىغا قارار تاپقۇزۇشقا»، كېلىشىم ئىمزالاشتى ۋە كۈچلۈك ئەھدى پەيمان بېرىشتى. بۇ ئۇيۇشمىغا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالاممۇ قاتناشقان. ئۇ پەيغەمبەرلىك شەرىپىگە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ: «ئابدۇللا ئىبنى جەدئاننىڭ قورۇسىدا بىر ئۇيۇشمىغا قاتناشقانىدىم، بۇ ماڭا نىسبەتەن قىزىل تۆگىدىنمۇ كاتتىراق ئىش بولغانىدى. ئەمدى ھازىرمۇ ئەنە شۇنداق ئىشلارغا چاقىرىلسام ئەلۋەتتە ئاۋاز قوشىمەن»، دېگەنىدى.
ئۇيۇشمىنىڭ ئاساسىي نىشانى ھەممە ئادەم ئۆز تەرەپدارىنى قوللاشتىن كېلىپ چىققان كونا تەرەببازلىق ئېقىمىغا قارشى تۇرۇش ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇنداق بىر ئىش سەۋەب بولغان ئىكەن. ئەرەبلەرنىڭ زۇبەيدە قەبىلىسىدىن بىر كىشى مەككىگە مەلۇم مىقداردا مال-ماتا ئەكىلىپ قۇرەيشلەرنىڭ بەنى سەھمى جەمەتىدىن ئاس ئىبنى ۋائىل دېگەن كىشىگە ساتقان، ئاس ئىبنى ۋائىل ھېلىقى كېشىنىڭ ھەققىنى دەرھال بەرگىلى ئۇنىماي ئۇنى كەينىگە سۈرۈپ تۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ئابدۇددار، مەخزۇم، جومەھ، سەھمى، ۋە ئەدىي جەمەتلىرىدىن ئۇنىڭ ھەققىنى ئېلىشىپ بېرىشكە ياردەم سورىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ كارى بولمىغان. شۇڭا ئۇ مەككىدىكى ئەبىلقۇبەيس تېغىغا چىقىپ پۈتۈن ئاۋازى بىلەن توۋلاپ ئۆزىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى مەزمۇن قىلىپ شېئىر- ئەشئارلارنى ئوقۇغىلى تورغان. بۇنى زۇبەير ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ ئۇقۇپ: «بۇ ئادەم بىلەن ھېچ كىمنىڭ كارى بولمىغىنى نېمىسى؟» دەپ شۇ توغرىلىق يول مېڭىپ ئاخىر يۇقىرىقى جەمەتلەرنىڭ چوڭلىرىنى يىغىپ، مەزكۇر ئۇيۇشمىنى قۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى، ئاندىن ئۇيۇشما ئەزالىرى ھەممەيلەن بىراقلا بېرىپ ئاس ئىبنى ۋائىلدىن ھېلىقى كىشىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان ھەققىنى ئېلىپ بەردى.
جاپالىق ھايات
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ياشلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بىرەر كەسىپ ۋەياكى مۇقىم بىر ھۈنەر بىلەن شۇغۇللانغان ئەمەس، بىراق ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە بەنى سەئەد قەبىلىسىدە، كېيىنچە مەككىدە بىر قانچە قىرات پۇلغا ئىجارىگە قوي بېقىپ بەرگەنلىكى تۈغرىسىدا ھەدىس بار. ئۇ 25 ياشقا كىرگەندە خەدىچە (خۇۋەيلىدنىڭ قىزى)نىڭ مېلى بىلەن شامغا تىجارەتكە چىققان. ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: «خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد مەككە تەۋەسىدە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە زەردار خوتۇن ئىدى. ئۇ تىجارەتكە ئېپى بار كىشىلەرنى ياللاپ ئىشلىتەتتى ۋە شېرىك تىجارەتمۇ قىلاتتى، دېمىسىمۇ قۇرەيشلەر ئومۇميۈزلۈك تىجارەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان خەلق ئىدى. بۇ ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ راستچىل، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل ۋە ئېسىل ئەخلاقلىق كىشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتتى ۋە: «ئۆزىنىڭ چاكىرى مەيسەر بىلەن شامغا مال ئاچىقىپ سودا-سېتىق قىلىپ كىرسە، ئۇنىڭغا باشقىلارغا بەرگەندىن كۆپرەك ھەق بەرسەم»، دېگەن تەكلىپىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ بۇ ئايالنىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ مەيسەر ئىسىملىك چاكىرى بىلەن نۇرغۇن مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ تىجارەت بىلەن شامغىچە بېرىپ كەلدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ خەدىچىگە ئۆيلىنىشى
بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ خەدىچىگە ئۆيلىنىشى”پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام شام سەپىرىدىن قايتىپ كېلىۋىدى خەدىچە ئەۋەتكەن ماللىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىمدىكىلەرگە قارىغاندا ھەم بىخەتەر ھەم پايدىسى كۆپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە رەسۇلۇللاھقا قېتىپ قويغان چاكىرى مەيسەرەدىن يول بويى رەسۇلۇللاھتىن سەزگەن خۇشخۇي مىجەزلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق، پىكرى ئۆتكۈر، گەپ-سۆزى ئورۇنلۇق ۋە توغرا يول تاللاشتەك ئالىي جاناپ پەزىلىتى ۋە پەۋقۇلئاددە ئىقتىدار ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، گويا ئۇزۇندىن بېرى يوقىتىپ قويغان نەرسىسىنى توساتتىن تېپىۋالغاندەكلا بولۇپ قالدى ۋە بىر خىل شېرىن ئوي خىيالغا پاتتى، (مەككىدە ئاتاقلىق بايۋەچچىلەر ۋە يۇرت بېشى مۆتىۋەرلەر ئۇزاقتىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن تويلىشىشقا لەۋ چىشلەپ يۈرۈشكەن بولسىمۇ، خەدىچە ئۇلارغا ماقۇل بولماي كەلگەن ئىدى) شۇڭا ئۇ كۆڭلىدىكى بۇ ئويىنى يېقىن دوستى نەفىسە بىنتى مەنىيىگە ئېيتتى. نەفىسە كېلىپ رەسۇلۇللاھقا خەدىچە بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش توغرىسىدا گەپ ئاچتى، رەسۇلۇللاھ بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە تاغىلىرىنى خەۋەرلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىلىرى خەدىچىنىڭ تاغىلىرى يېنىغا بېرىپ خېرىدارلىق قىلدى. ئارقىدىنلا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا بەنى ھاشىم جەمەتى ۋە مۇزەر جەمەتى ئايمىقىنىڭ كاتتىلىرى ھەممىسى قاتناشتى. توي رەسۇلۇللاھ شامدىن قايتىپ كېلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەنىدى. رەسۇلۇللاھ يىگىرمە تۆگىنى تويلۇق مەھرىگە ئاتىدى. بۇ چاغدا خەدىچە 40 ياشلار چاممىسىدا بولۇپ ئۆز قەۋمى جامائىتىنىڭ ئاياللىرى ئارىسىدا ئېسىل نەسەب، ئىقتىسادىي ئەھۋال ۋە ئەقىل-پاراسەت جەھەتتە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان خوتۇن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تۇنجى نىكاھىغا ئالغان ئايالى بولۇپ قالدى ۋە تاكى خەدىچە ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر خوتۇن ئېلىپ قوش نىكاھلىق بولمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىبراھىمدىن باشقىسى خەدىچىدىن دۇنياغا كەلگەن. خەدىچە ئاۋۋال رەسۇلۇللاھقا قاسىم دېگەن ئوغلىنى تۇغۇپ بەرگەنىدى. (پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئاشۇ بالىسىنىڭ ئىسىمى بىلەن «ئەبۇلقاسىم» دەپ تەخەللۇس قوللانغان ئىدى) ئاندىن كېيىن، زەينەب، رۇقىيە، ئۇممى كۇلسۇم، فاتىمە ۋە ئابدۇللاھنى تۇغۇپ بەردى. ئابدۇللاھ «تەييىب» (ئوبدان، بەلەن) ۋە «تاھىر» (پاكىز) دەپ ئاتىلاتتى. ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كىچىك ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئەمما قىز پەرزەنتلىرى ئىسلام دەۋرىگە مۇشەررەف بولغان ۋە مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان، ئەپسۇسكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئالەمدىن كېتىپ قالدى، پەقەت فاتىمىلا رەسۇلۇللاھتىن قېلىپ ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى.
كەئبىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە ياراشتۇرۇش مەسىلىسى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام 35 ياشقا كىرگەن يىلى قۇرەيشلەر كەئبىنى يېڭىلاپ سالماقچى بولدى. چۈنكى ئۇ ئىسمائىل ئەلەيـھىسسالامنىڭ زامانىدىن تارتىپ ئۈستى ئوچۇق، ئادەم بويىدىن ئېگىزرەك، تەخمىنەن توققۇز گەز ئېگىزلىكتە قوپۇرۇپ قويۇلغان بولغاچقا، كۆپ قېتىم ئوغرى-يالغانلار ئۇنىڭ ئىچىدىكى مال-مۈلۈكلەرگە سوغۇق قول تەگكۈزۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كەئبە قەدىمىي قورۇلۇش بولغاچقا، كەلكۈن ۋە بوران-چاپقۇن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھەر جەھەتتىن كونىراپ، تاملىرى چاك كېتىشكە باشلىغان، بولۇپمۇ مۇشۇ يىلى (رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولۇشتىن بەش يىل ئىلگىرى) مەككىدە چوڭ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، كەلكۈن كەئبىگە ئۇدۇل كېلىپ ئۈسكەن بولغاچقا، كەئبە يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. شۇڭا قۇرەيشلەر كەئبىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى يېڭىلاپ سېلىشقا بەل باغلىدى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھالال يول بىلەن تاپقان ماللارنى سەرپ قىلىش، زىنا، ھارام، جازانە خورلۇق ۋە كىشىلەرگە زۇلۇم سېلىش يولى بىلەن قولغا كەلگەن ماللارنى قەتئىي يېقىن كەلتۈرمەسلىككە كېلىشتى. ئۇلار كەئبىنى يىقىشتىن ئەيمىنىپ، ھېچكىم ئاۋۋال قول تەگكۈزۈشكە ئۇنىمىدى. ئاخىرى بولماي بەنى مەخزۇم جەمەتىدىن ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە دەسلەپ قىلىپ يىقىشنى باشلاپ بەردى. ئاندىن ئۇنىڭ غەيرى ئەھۋالغا يولۇقمىغانلىقىنى كۆرۈپ باشقىلارمۇ يىقىشقا كىرىشتى، شۇنداق قېلىپ ئۇلار كەئبىنى ئاخىرى ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام تۇتقان ھۇلغىچە يىقتى، ئاندىن قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قېلىپ، كەئبە تاملىرىنى بۆلۈشۈپ قەبىلىلەر ئارا ئايرىۋېلىشتى. نەتىجىدە ھەر بىر قەبىلە ئايرىم-ئايرىم تاش يىغىپ قۇرۇلۇش قىلىشقا كىرىشتى. قۇرۇلۇشنىڭ تېخنىك ئىشلىرىنى رۇملۇق «باقۇم» ئىسىملىك بىر قۇرۇلۇشچى باشقۇردى، قۇرۇلۇشنىڭ تېمى كۆتۈرۈلۈپ «ھەجەرۇلئەسۋەد»نىڭ ئورنىغا چىقىۋىدى ئۇلار «ھەجەرۇلئەسۋەد»نى ئۆز ئورنىغا ئېلىپ قويۇش شەرىپىنى تالىشىپ ئىختىلاپلىشىپ قالدى، تالاش-تارتىش تۆت كۈن داۋاملىشىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ھەتتا قانلىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ ھەرەم زېمىنىنى بۇلغىغىلى تاسلا قالدى، بىراق مەخزۇم جەمەتىدىن ئەبۇ ئۇمەييە ئىبنى مۇغىيرە ئۇلار ئىختىلاپلىشىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە: «ھازىر مۇشۇ ھالەتتە مەسجىد دەرۋازىسىدىن كىم بىرىنچى بولۇپ كىرسە، ئاشۇ ئايرىپ قويسا قانداق؟» دېگەن تەكلىپنى ئېيتىۋىدى، بۇنىڭغا ھەممەيلەن قوشۇلدى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى شۇنداق بولسا كېرەك، مەسجىد دەرۋازىسىدىن تۇنجى بولۇپ كىرىدىغان كىشىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام بولۇپ قېلىشىنى كىممۇ بىلسۇن؟! ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى كۆرۈپ: «بۇ دېگەن ئەمىن (ئىشەنچىلىك، راستچىل دېگەن مەنىدە، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى شۇنداق ئاتىۋېلىشقان ئىدى)، ئۇنىڭغا بىز رازى، … ھوي مۇھەممەد كەلدى»، دەپ توۋلىشىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن بىر دانە «رىدا» (ئەرەبلەرنىڭ تاش كىيىمى)نى تاپتى-دە، «ھەجەرۇلئەسۋەد»نى ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويدى، ئاندىن تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتقان قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى رىدانىڭ ئەتراپىنى تۇتقۇزۇپ كۆتۈرۈشكە بۇيرۇدى. ئۇلار ناھايىتى رازىمەنلىك ئىلكىدە «ھەجەرۇلئەسۋەد»نى ئەسلى ئورنىغا ئاپاردى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ھازىرقى جايىغا ئېلىپ قويدى. مۇشۇنداق قىلىپ مەسىلە جامائەتچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ھەل بولدى.
قۇرۇلۇش داۋامىدا قۇرەيشلەر توپلىغان پاكىز مەبلەغ كەملەپ قالغاچقا، ئۇلار كەئبىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن ئالتە گەزدەك يەرنى تامنىڭ سىرتىدا تاشلاپ قويۇشتى (بۇ يەر ھىجرى ‹توساق› ۋە ھەتىم ‹سوقما تام› دەپ ئاتالدى) ۋە كىشىلەرنىڭ خالىغانچە كىرىپ چىقىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن كەئبە بىناسىنىڭ دەرۋازىسىنى يەردىن ئۈستىن قىلىپ ئورنىتىشتى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئېگىزلىكى 15 گەزگە يېتىۋىدى، ئىچىگە ئالتە تۈۋرۇك ئورنىتىپ ئۈستىنى ياپتى. شۇنىڭ بىلەن كەئبە تەخمىنەن 15 گەز ئېگىزلىكتە تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە پۈتۈپ چىقتى. «ھەجەرۇلئەسۋەد» ئورۇنلاشتۇرۇلغان تام بىلەن ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىردىن بولدى. «ھەجەرۇلئەسۋەد» تاۋاپگاھ زېمىندىن بىر مېتىر 50 سانتىمېتىر ئېگىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە دەرۋازا ئورنىتىلغان تام بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىكى تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىردىن پۈتۈپ چىقتى. دەرۋازا يەر يۈزىدىن ئىككى مېتىر ئىگىزلىككە بېكىتىلدى، بىنانىڭ سىرتىدىن تۆۋەنكى تەرىپىنى ئېگىزلىكى 25 سانتېمېتىر، كەڭلىكى 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىنا ھۇلى پەشتىقى ئوراپ تۇردى، بۇ جاي ھازىر «شازىرۋان» (يەنى پەنجىرە) دەپ ئاتىلىدۇ، بۇمۇ ھەم بەيتۇللاھنىڭ ئەسلى ھۇلى ئىدى. لېكىن، قۇرەيشلەر ئۇ يەرنى تاشلاپ قويۇپ بىنا تېمىنى نېپىزرەك قىلىپ ئىشلىگەن.
رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھاياتىدىن ئومۇمىي خولاسە
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام كىچىكىدىنلا ئىنسانلاردا بولىدىغان ئالاھىدە ياخشى پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەشتۈرگەنىدى. ئۇ پىكرىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە نەزەرىيىسىنىڭ ئىلمىلىكى. ئەقىل-پاراسىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، تەپەككۇرىنىڭ توغرىلىقى ۋە تەدبىرىنىڭ دانالىقى بىلەن ھەممە جەھەتلەردە ئۈلگە بولۇشقا ئەرزىيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ جىمغۇر، كەم سۆز كەيپىياتىنى، پىكىر قىلىش، خىيال سۈرۈش، تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تەھقىقلەشكە ئىشلىتەتتى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ پەم-پاراسىتى ۋە ئوچۇق يورۇق تەبىئىتى بىلەن ھايات سەھىپىلىرىنى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام بولمىغان يامان ئادەتلىرىدىن قول ئۈزگەنىدى ۋە ياكى ۋە ئۆزىنى تارتقانىدى. ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئاساستا ئەل جامائەتچىلىك بىلەن ئارىلىشىپ، ياخشى ئىش، ياخشى پائالىيەت بولسا ئاكتىپ قاتنىشاتتى. بولمىسا ئۆزىنىڭ يالغۇزلۇق قورغىنىغا قايتىپ كىرىپ يامان، ئەخلاقسىز ئىشلاردىن مۇداپىئەلىنەتتى. شۇڭا ئۇ ھاراق ئىچمەيتتى، بۇتلارغا ئاتاپ زەبھى قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەيتتى، بۇت ھەيكەللەر ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھېيت-بايرام ۋە مۇراسىملارغا قاتناشمايتتى، بەلكى ئۇ كىچىكىدىنلا بۇ يالغان ئىلاھلاردىن نەپرەتلىنەتتى، ھەتتا ئۇنىڭغا مۇشۇ بۇتلاردىنمۇ ئۆچ كۆرۈنىدىغان بىرەر شەيئى يوقتەك قىلاتتى، ھەتتا ئۇنىڭ «لات»، «ئۇززا»نىڭ نامى بىلەن قىلىنغان قەسەملەرنى ئاڭلاپ قېلىشقىمۇ رازىلىقى يوق ئىدى.
شۇنىسى ئېنىقكى، تەقدىر ئىلاھىي پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى ئۆز ئىنايىتى ۋە مۇھاپىزىتىدە ساقلىغانىدى. مۇبادا نەفسى ئەممارە (يامانلىققا باشلىغۇچى نەفس)نىڭ خاھىشلىرى، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ بىر قىسىم ھوزۇر-ھالاۋەتلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بەزى ناچار ئادەتلەرنى چىرايلىق كۆرسەتسە، راۋا كۆرۈپ قالغىلى مايىل بولسا بىردىنلا ئاللاھنىڭ ئىنايىتى (ئاللاھنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ مۇھاپىزەت قىلىشى) ئارىلىشىپ رەسۇلۇللاھنى ئۇنداق نامۇۋاپىق ئىشلاردىن توسۇپ قالاتتى. ئىبنى ئەسىرنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «مەن ئۆمرۈمدە پەقەت ئىككى قېتىملا جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ناتوغرا پائالىيتىگە قاتناشماقچى بولغانىدىم. لېكىن، ئىككىلا قېتىمدا ئاللاھ مېنىڭ مەقسىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنداق ئىشلارنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرمىدىم. ئاخىرى ئاللاھ مېنى ئۆز ئەلچىلىكى بىلەن ھۆرمەتلىدى. بىر كېچىسى مەككىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە مەن بىلەن بىللە قوي باقىدىغان قويچى بالىغا: «مېنىڭ قويۇمغا قاراپ قويساڭ، مەن مەككىگە كىرىپ ياشلار بىلەن كېچىلىك ئويۇن-بەزمىدىن بەھىر ئېلىپ چىققان بولسام»، دېۋىدىم، ئۇ: «شۇنداق قىلاي»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن مەككىگە قاراپ يول ئالدىم ۋە مەككىگە كىرىشىمگىلا كوچىنىڭ بېشىدىكى بىرىنچى ئۆيدىن نەغمە-ناۋانىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى: «بۇ نېمە گەپ؟» دەپ سورىسام ئۇلار: «پالانى پۇستانىغا ئۆيلۈنۈپتۇ، شۇلارنىڭ توي كېچىلىكى»، دېيىشتى. شۇ چاغدا مېنىڭ «مۇزىكا ئاڭلاي»، دەپ ئولتۇرغىنىم ئىسىمدە، لېكىن ئاللاھ ئۇنى ماڭا ئاڭلاتماپتۇ. مەن ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى قۇياشنىڭ تەپتى ئۈستىمگە چۈشكەندە ئاندىن ئويغىنىپ تاغقا قايتتىم. قويچى ھەمراھىم سورىۋىدى، بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر كېچىسىمۇ ھېلىقى ھەمراھىمغا يەنە تاپىلاپ قويۇپ، مەككىگە كىردىم. بۇ كېچىسىمۇ ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق ناتوغرا ئىشلارنى ئىرادە قىلمىدىم»، دېگەن.
ئىمام بۇخارى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى، كەئبە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام تاغىسى ئابباس بىلەن جىددىي تاش توشۇۋاتاتتى. ئابباس پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا: «ئۇچاڭدىكى يېپىنچاڭنى مۆرەڭگە قويۇۋالساڭ، تاش ئاغرىتمايتتى»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئابباسنىڭ دېگىنىدەك قىلىۋىدى، شۇئان ھۇشىدىن كېتىپ يەرگە يېقىلدى ۋە كۆزلىرى ئاسمان تەرەپكە چەكچىيىپ ھالىدىن كەتتى. بىردەمدىن كېيىن ھۇشىغا كېلىپ: «يېپىنچام!! يېپىنچام!!» دەپ كىيىمىنى بېلىگە تاڭدى. يەنە بىر رىۋايەتتە، شۇنىڭدىن باشقا ھېچ قانداق ئورۇندا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالغان ئەمەس، دېيىلگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام قەۋمى جامائىتى ئىچىدە خۇش پېئىللىقى، ئەخلاق پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئادەتلىرى بىلەن تونۇلغانىدى. ئۇ ئادەمگەرچىلىكى ياخشى، ئەخلاقى گۈزەل، قوشنىدارچىلىقى بەلەن، مىجەزى يېقىملىق، تىلى تاتلىق، كۆڭلى تۈز، تەبىئىتى مۇلايىم، ئىپپەت-نومۇسلۇق، كەڭ قول، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا ئامراق، ئەھدىسىدە تۇرىدىغان، ئامانەتكە ۋاپا قىلىدىغان كاتتا زات ئىدى. ھەتتا ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامدىكى ياخشى ئادەتلەرنى ۋە رازى بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەتلەرنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن ئۇنى «ئەمىن» (ئىشەنچىگە يارايدىغان)، دەپ ئاتىۋېلىشقان ئىدى. قىسقىسى رەسۇلۇللاھ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقاندەك ئېغىرچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەتتى، يوقسۇللارغا ياردەم قىلاتتى، مېھماننى ياخشى كۈتەتتى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھەققىنى ئېلىشىپ بېرەتتى.
پەيغەمبەرلىك سايىسىدا
ھىيرا ئۆڭكۈرى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ يېشى 40 قا يېقىنلاشقانسىرى، ئۇنىڭ ئۆتكەنكى تەئەممولات (ئوي-پىكىر)لىرى ئۇنىڭ بىلەن قەۋمى ئۆتتۇرسىدىكى مەنىۋىي ھاڭنى چوڭايتىۋەتكەنىدى، ئۇ مۇشۇ كۈنلەردە كۆپ ھاللاردا يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ سۇ ۋە تالقان قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ مەككىدىن ئىككى مىل (تەخمىنەن ئۈچ كېلومېتېر) يىراقلىقتىكى نۇر تېغىغا جايلاشقان ھىيرا ئۆڭكۈرى گە چىقىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ ئۇنىڭغا يېقىن بىر يەردە تۇراتتى. رەسۇلۇللاھ ھېلىقى ئۆڭكۈردە رامىزان ئېيىدا بىر ئاي تۇرۇپ ئۆتكەن-كەچكەن ئاجىز مىسكىنلەرگە ئاش-تاماق بېرىش، ئىستىقامەت قىلىش ۋە ئەتراپىدىكى كائىناتنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىغا ۋە كائىنات ئارقىسىدىكى ياراتقۇچىنىڭ زور كۈچ قۇدرىتىگە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزەتتى. ۋەھالەنكى، ئۇ ئۆز قەۋمىنىڭ تۇراقسىز شېرىك ئەقىدىسىدىن ۋە ئۆمۈچۈك تورى كەبى تەسەۋۋۇرلىرىدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭمۇ ئۆزى ئىشەنچ قىلالىغۇدەك ۋە رازى بولغۇدەك ئېنىق نىشانى، مۇقىم پىلانى ۋە تۇتۇپ ماڭىدىغان توغرا يولى يوق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ بۇنداق يالغۇزلۇقنى ئىختىيار قىلىپ قېلىشىمۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇنى كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئىدى. بۇنداق چوڭ ئىشنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈمىد قىلىنىۋاتقان ھەر قانداق بىر روھ ئىگىسى ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ ئەمەلىيتىگە تەسىر كۆرسىتەلىشى ۋە ئۇ جەمئىيەتنىڭ تەتۈر ئېقىمىنى باشقا ياققا بۇرىيالىشى لازىم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ روھ ئىگىسى ئارىلاپ-ئارىلاپ يالغۇز تۇرۇشى ۋە ھاياتلىق مەشغۇلاتلىرىدىن ۋە تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن، شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي چىرمىۋالغان پارچە-پۇرات غەم- غۇسسىلەردىن ئايرىلىپ تۇرۇپ، مەلۇم ۋاقىتنى پىكىر-تەپەككۇر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلەتتى.
جانابى ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى ئاشۇ ئۇلۇغ ئامانەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، يەر شارى ۋەزىيىتىنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە لايىق ئوڭشىيالايدىغان ۋە تارىخىي ئېقىمنى ئۆزگەرتىشكە قابىل ئىستېداتلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن مانا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانىدى.
ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇ خىلۋەت خۇمارلىقنى پەيغەمبەرلىككە تەكلىپ قىلىشتىن ئۈچ يىل ئىلگىرىسىدىن باشلاپ سالغانىدى. ئۇ بۇ بىر ئايلىق يالغۇزلۇق ھالىتىدە مەۋجۇدىيەت روھى بىلەن ئەركىن ئازادە پەرۋاز قىلىپ، ئاللاھ ئىزنى قىلسا ئاشۇ غەيبى ئالەم بىلەن باردى-كەلدى قىلىش ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، مۇشۇ دۇنيانىڭ كەينىدىكى غايىب ئالەم ھەققىدە كەڭ كۇشادە تەپەككۇر-مۇلاھىزە يۈرگۈزەتتى.
جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالامنىڭ ۋەھى ئېلىپ كېلىشى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ يېشى 40 قا توشۇۋىدى، (40 ياش ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ راسا تاكامۇللاشقان دەۋرى بولۇپ، ئېيتىلىشىچە، پەيغەمبەرلەر مۇشۇ ياشلاردا پەيغەمبەرلىككە ئەۋەتىلىدىكەن) پەيغەمبەرلىك ئالدىن بېشارەتلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات سەھىپىلىرىنىڭ ھەر قايسى بەتلىرىدە غىل- پال كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى ۋە بۇ بېشارەتلەر ئاۋال راست چۈشلەردىن باشلاندى. شۇڭا ئۇ چۈش كۆرسىلا گويا تاڭ نۇرىدەك روشەن، ئېنىق كۆرەتتى. بۇ ھالەت ئالتە ئايدەك داۋاملاشتى (پەيغەمبەرلىكنىڭ مۇددىتى جەمئىي 23 يىل بولدى، بۇ راست چۈشمۇ ئاشۇ پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 قىسمىنىڭ بىرى ئىدى). پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئارىلاپ-ئارىلاپ ھىيرا ئۆڭكۈرىدە خىلۋەتتە تۇرۇۋاتقان مەزگىلنىڭ ئۈچىنچى يىلى رامىزان ئېيىدا ئاللاھ يەر شارى ئاھالىسىنى ئۆز رەھمىتى بىلەن تارتۇقلاشنى ئىرادە قىلدى چېغى، ئۇ رەسۇلۇللاھقا پەيغەمبەرلىكنى ۋەھيى قىلدى ۋە جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام ئارقىلىق ئۇنىڭغا قۇرئاندىن بىر قانچە ئايەتنى نازىل قىلدى.
ۋەھىينىڭ باشلىنىشىغا ئائىت ئەھۋاللار
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا نەزەر سېلىپ كۆرگىنىمىزدە، بۇ ۋاقىتنى رامىزاننىڭ 21- كۈنى دۈشەنبە كېچە ئىدى، دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. بۇ مىلادىيە 601- يىلى 8- ئاينىڭ 10- كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ يېشى شۇ ۋاقىتتا قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 40 ياشقا توشۇپ ئالتە ئاي 12 كۈن ئاشقانىدى. شەمسىيە كالىندارى بويىچە 39 ياشتىن 3 ئاي 12 كۈن ئاشقان بولىدۇ.
بىز ئائىشە سىددىق (راستچىل) (رەزىيەللاھۇ ئەنھا)نىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى، ئۇ بىزگە كۇفرى ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇ-زۇلمەتلىرىنى يېرىپ ئاخىرى ھاياتلىق يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ۋە تارىخىي سىزىقىنى رۇسلىغان ئىلاھىي نۇرنىڭ شولىسى ئاشۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا ۋەھىي ئەڭ دەسلەپتە راست چۈشلەر بىلەن باشلاندى، ئۇ چۈش كۆرسىلا تاڭ نۇرىدەك ئوچۇق، روشەن كۆرەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ھىيرا ئۆڭكۈرىدە ئائىلىسىگە قايتماي، نەچچە كۈن-نەچچە كۈن ئىستىقامەتتە بولاتتى. ئاندىن خەدىچىنىڭ يېنىغا قايتىپ يەنە ئالدىنقىغا ئوخشاش ئوزۇق-تۈلۈك راسلاپ چىقاتتى. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنىڭغا ھەق پەرمانى كەلدى. ئۇ بۇ چاغدا ئاشۇ ھىرا ئۆڭكۈرىدە يەنىلا خىلۋەتتە ئىستىقامەت قىلىۋاتاتتى. شۇئان رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا بىر پەرىشتە پەيدا بولۇپ: ‹ئوقۇ!›، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ‹مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن›، دېدىم دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى پەرىشتە مېنى قاتتىق سىقتى، ھەتتا چارچاپ كەتتىم. ئاندىن قويۇۋېتىپ: ‹ئوقۇ!›، دېدى. مەن: ‹ئوقۇشنى بىلمەيمەن›، دېدىم. پەرىشتە يەنە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم قاتتىق سىقىپ قويۇۋەتكەندىن كېيىن: ‹ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى ئۇيۇل قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى، ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى»، دېدى (‹قۇرئان كەرىم› سۈرە ئەلەق 1 — 5- ئايەتلەر). پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام قورققىنىدىن يۈرىكى پۇلاڭلىغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپ خەدىچىگە: ‹مېنى يۆگەپ قويۇڭلار!›، ‹مېنى يۆگەپ قويۇڭلار!›، دېدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى يۆگەپ قويۇشتى. بىر چاغدىن كېيىن ئۇنىڭ قورقۇنچىسى بېسىقىپ، يۈرىكى پەسىيىۋىدى، خەدىچىگە ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىپ: ‹ماڭا نېمە بولغاندۇ؟ مەن ئۆزۈمدىن قورقۇپ قالدىم›، دېدى. خەدىچە: ‹يوقسۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ، چۈنكى سەن خىش-ئەقرىبالارغا سىلە رەھىم قىلىسەن، ئاجىز بىچارىلەرگە ياردەم قىلىسەن، يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن، مېھمانلارنى ياخشى كۈتىسەن، ھەق ئۈچۈن ياردەم قىلىسەن›، دېدى، ئاندىن ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنى (تاغىسىنىڭ ئوغلى) ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەلنىڭ قېشىغا باشلاپ باردى. ۋەرەقە جاھىلىيەت زامانىدا خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى بولۇپ ئۇ ئىبران يېزىقىنى بىلەتتى، ئىنجىلدىن ئىبرانچە كۆپ نەرسىلەرنى يېزىپ خاتىرە قالدۇراتتى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇ ياشىنىپ قالغان بولغاچقا، ئىككى كۆزىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغانىدى. خەدىچە ئۇنىڭغا: ‹ھەي تاغامنىڭ ئوغلى! قېرىندىشىڭىزنىڭ ئوغلىغا (يەنى مۇھەممەد ‹ئەلەيھىسسالام› سۆزى) قۇلاق سېلىڭ›، دېدى. ۋەرەقە: ‹نېمە بولدى، ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى!› دەپ رەسۇلۇللاھتىن سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋىدى، ۋەرەقە ئۇنىڭغا: ‹ئاللاھ مۇسا ئەلەيـھىسسالامغا نازىل قىلغان شەرىئەت دەل مۇشۇ، كاشكى مەن ياش نەۋقىران بولسامچۇ! قەۋمىڭ سېنى قوغلاپ چىقارغاندا، مەن ھايات بولسامچۇ؟› دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: ‹ئۇلار مېنى قوغلاپ چىقىرارمۇ؟› دېۋىدى، ۋەرەقە: ‹ھەئە، پەيغەمبەر بولغان ئادەم دۈشمەنلىك بولىدۇ، ئەگەر مەن سېنىڭ ئاشۇ كۈنلىرىڭگىچە ياشىسام، ساڭا كۈچۈمنىڭ بارىچە ياردەم قىلغان بولاتتىم›، دېدى. ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي ۋەرەقە ئالەمدىن ئۆتتى ۋە ۋەھىيمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى».
ئىمام تەبەرى ۋە ئىبنى ھىشام پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا ۋەھىي تۇيۇقسىز كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ غاردىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئاندىن يەنە قايتىپ غاردا ئىستىقامىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، شۇنىڭدىن خېلى كېيىن مەككىگە قايتقانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇنىڭ رىۋايىتىنىڭ تولۇق تېكىستىدۇر:
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ۋەھىي نازىل بولغانلىقىنى زىكرى قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتى ئىچىدە ماڭا مەجنۇن ۋە شائىرلاردىن باشقا ئۆچ ئادىمىم قالمىدى. ھەتتا شائىر ۋە مەجنۇن دېگەنلەرنى كۆرمىسەم، دەيتتىم». پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام يەنە مۇنداق دېدى: «مەن كۆڭلۈمدە، مېنىڭ شائىر ياكى مەجنۇن بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئەمەس، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسامچۇ؟! قۇرەيشلەر بۇنى مەڭگۈ ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆتۈرۈپ يۈرۈشىدۇ. بۇ چاغدا مەن ئېگىز تاغلارغا چىقىپ ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۆلۈۋالىمەن-دە، ئاندىن مەڭگۈ راھەت ئالىمەن، دەيتتىم. مەن شۇنداق قىلماقچى بولۇپ، نەچچە قېتىم تاغقا چىقتىم، ھەتتا تاغنىڭ يېرىمىغا چىقىپ بولغىنىمدا ئاسماندىن: ‹ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!!! مەن جىبرىئىل!!!› دېگەن سادانى ئاڭلىدىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، جىبرىئىل ئىككى قەدىمىنى ئاسماننىڭ قەئرىدە ئىختىيارى قويغان ھالدا: ‹ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەن جىبرىئىل›، دېگىنىچە تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا قاراپ جىم قېتىپ قالدىم. ئويلىغانلىرىم دىلىمدىن ئۆچتى، يا ئالدىمغا، يا ئارقامغا يانالمىدىم. يۈزۈمنى قايسى ياققا بۇرىسام، ئاشۇ ھالەت كۆرۈندى. مەن يا ئالدىمغا، يا ئارقامغا يانالماي شۇ پېتىم تۇرۇۋېرىپتىمەن، ھەتتا خەدىچە مېنى ئىزلەپ ئادەم ئەۋەتىپ، مەككىنى قېزىۋېتىپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن ئاشۇ ئەھۋاللار غايىب بولدى. مەنمۇ ئۆيگە قايتىپ، بېرىپ خەدىچىنىڭ باغرىغا بېشىمنى قويۇپ ياتتىم. ئۇ ماڭا: ‹ئەبۇلقاسىم! نەلەردە يۈردىڭىز، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىزنى كۆپ ئىزدەپ كەتتىم. بالىلار سىزنى مەككىگە كىرىپ تاپالماي چىقتى›، دېدى. مەن ئۇنىڭغا كۆرگەنلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم. خەدىچە ماڭا: ‹خۇش بولۇڭ،ئى تاغامنىڭ ئوغلى! سابىت بەرقەدەم بولۇڭ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىزنى مۇشۇ ئۇممەتنىڭ پەيغەمبىرى بولارسىزمىكى، دەيمەن›، دېدى. ئاندىن بېرىپ ۋەرەقەگە ئەھۋالنى يەنە ئېيتتى. ۋەرەقە: ‹كاتتا ئىش بولۇپتۇ، ناھايىتى كاتتا ئىش بوپتۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭغا مۇسا ئەلەيـھىسسالامغا كەلگەن ئولۇغ شەرىئەت كەپتۇ. ئۇ چوقۇم مۇشۇ ئۇممەتنىڭ پەيغەمبىرى بولغۇدەك، سىز ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويۇڭ، خاتىرجەم بولسۇن›، دەپتۇ. خەدىچە قايتىپ كېلىپ، ماڭا ۋەرەقەنىڭ ئېيتقانلىرىنى سۆزلەپ بەردى».
بۇ قېتىم رەسۇلۇللاھ ھېلىقى غاردىكى ئىستىقامىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ مەككىگە قايتىپ كېلىۋىدى، ئۇنى ۋەرەقە ئىزلەپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن بەزى ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىز چوقۇم مۇشۇ ئۇممەتنىڭ پەيغەمبىرى بولغۇدەكسىز، سىزگە مۇسا ئەلەيـھىسسالامغا كەلگەن شەرىئەت كەپتۇ»، دېدى.
ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى
ئىبنى سەئەد ئابدۇللا ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)تىن ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقتىنىڭ پەقەت بىر قانچە كۈنلا داۋاملاشقانلىقىنى نەقىل قىلىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەرگە نەزەر سالغىنىمىزدىمۇ مۇشۇ قاراشنىڭ توغرا ھەم ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئەمما، ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ئۈچ يىل ياكى ئىككى يېرىم يىل داۋاملاشقان دېگەن سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق بىر دەلىل- ئاساسى يوق. بىز بۇ يەردە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپمۇ ئولتۇرمايمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىللەردە قاتتىق بىئاراملىق ۋە غەم ئەندىشە ھېس قىلاتتى. ئۇنى ھەر تەرەپتىن ھەيرانلىق ۋە قورقۇنچ باساتتى.
ئىمام بۇخارى كىتابۇتتەئبىر دېگەن بابتا تۆۋەندىكىدەك رىۋايەت قىلغان: «ۋەھىي بىر مەھەل ئۈزۈلۈپ قالدى، (ئۇقۇشىمىزچە) بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام قاتتىق تىت-تىت بولۇپ، نەچچە قېتىم تاغ چوققىسىدىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن تاغنىڭ قىيا چوققىلىرىغا يېتىپ بارغان، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام پەيدا بولۇپ: «ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى»، دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ دىلى تەسكىن تېپىپ، كۆڭلى ئارامىغا چۈشەتتى-دە يەنە قايتىپ كېلەتتى. ۋەھىي پات كەلمىگەنسېرى ئۇ يەنە قايغۇ ئەلەمگە پېتىپ، ئالدىنقىدەك قارارغا كېلىپ يولغا چىقاتتى، ھەتتا تاغ چوققىسىغا يېتىپ بارغاندا، جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام يەنە پەيدا بولۇپ، ھېلىقى سۆزىنى تەكرارلايتتى.
ۋەھىينىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشى
ئىبنى ھىجرى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ (يەنى ۋەھىينىڭ بىر قانچە كۈن ئۈزۈلۈپ قېلىشى) پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامدا ۋەھىي نازىل بولغان تۈپەيلى پەيدا بولغان قورقۇنچنى يوقىتىش ۋە ۋەھىينىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى سېغىندۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئېڭىدىن تېڭىرقاش قارا تۇمانلىرى ئاستا-ئاستا زايىل بولۇپ، ھەقىقەت داغدام يوللىرى روشەن، ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىۋىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز بۈيۈك ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىگە ئاسمان خەۋىرىنى يەتكۈزىدىغان پەرىشتىنىڭ ۋەھىي ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەھىينى سېغىنىشى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇشۇ يولدا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا قارىتا سابىت بەرقەدەملىك تۇيغۇسى ۋە مۇستەھكەم ئىرادە تىكلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي ئېلىپ كەلدى. ئىمام بۇخارى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى رىۋايەت قىلدى (ئۇ مۇنداق دېدى): «بىر چاغدا مەن كوچىدا كېتىۋاتاتتىم. ئاسمان تەرەپتىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. بېشىمنى شۇنداق كۆتۈرۈپ قارىسام، ھېلىقى ھىيرا غارىدا كەلگەن پەرىشتە ھاۋا بوشلۇقىدا چوڭ بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپتۇ، مەن ئۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ، يەرگە يېقىلدىم ۋە ئۆيگە قانداق كەلگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، كېلىپلا: ‹مېنى يۆگەپ قويۇڭلار! مېنى يۆگەپ قويۇڭلار!» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەر مېنى يۆگەپ قويۇشتى. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا «مۇددەسسىر» سۈرىسىدىن تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى نازىل قىلدى: ﴿يايھا المدڭر قم فانۇر وربك فكبّر وڭيابك فطھر والرّجز فاھجر ولا تمنن تستكڭر﴾ «ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) تۇر! (ئىنسانلارنى)ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر. پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا. كىيىمىڭنى پاك تۇت. ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول». شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋەھىي ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلمەي نازىل بولۇشقا باشلىدى.
ۋەھىي تۈرلىرى ھەققىدە چۈشەنچە
بىز مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىك ھاياتىنىڭ تەپسىلاتىغا تۇتۇش قېلىشتىن ئاۋۋال ئاشۇ پەيغەمبەرلىكنىڭ مەنبىئى ۋە ئىسلام دەۋىتىنىڭ ئەسلى خېمىر تۇرۇچى بولغان ۋەھىينىڭ تۈرلىرىنى تونۇۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئىبنى قەييۇم ۋەھىي تۈرلىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ مۇنداق دېگەن:
1. راست چۈش . بۇ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا ۋەھىينىڭ باشلىنىشى بولغانىدى.
2. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام تۆۋەندىكى ھەدىستە: «روھۇلئەمىين (جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام) مېنىڭ قەلبىمگە ھەر قانداق بىر نەپسى (جان ئىگىسى) ئۆز رىزقىنى يەپ بولمىغۇچە، ھەرگىز ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئىلقا (تاشلاش) قىلدى، شۇڭا سىلەر تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتۇڭلار، رىزقى تەلەپ قىلىشتا توغرا يول تاللاڭلار، رىزقىنىڭ كېچىكىپ كېلىشى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ رىزقى ئىزلەشكە ئېلىپ بارمىسۇن، ئاللاھنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىگە پەقەت ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەنلا ئېرىشكىلى بولىدۇ» دېگىنىگە ئوخشاش رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىگە پەرىشتىنىڭ ۋەھىينى ئىلقا قىلىشى (تاشلىشى)دۇر. ئەمما، رەسۇلۇللاھ ئۇ پەرىشتىنى كۆزى بىلەن كۆرمەيتتى.
3. پەرىشتە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا ئادەم سۈرىتىدە كېلىپ، يۈز تۇرانە سۆزلەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئەستە قالدۇرۇۋالاتتى. بۇنداق چاغدا ئۇنى ساھابىلەرمۇ كۆرەلەيتتى.
4. بەزىدە ۋەھىي قوڭغۇراق ئاۋازىدەك جاراڭلىق كېلەتتى. بۇ خىلدىكى ۋەھىينىڭ بېسىمى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ۋەھىي پەرىشتىسى ئاشۇ ئاۋاز بىلەن بىرگە كېلەتتى، ھەتتا قەھرىتان سوغۇق كۈنلەردىمۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ پىشانىلىرىدىن چاپ-چاپ تەرلەر ئېقىپ چۈشەتتى ناۋادا رەسۇلۇللاھ ئۇلاغ ئۈستىدە بولسا، ئۇلاغ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالاتتى. بىر قېتىم رەسۇلۇللاھقا مۇشۇ تەرىقىدە ۋەھىي نازىل بولغانىدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ پۇتىنى زەيد ئىبنى سابىتنىڭ پۇتىغا قويۇپ ئولتۇرۇقلۇق ئىدى. شۇئان رەسۇلۇللاھنىڭ پۇتى قاتتىق ئېغىر بېسىپ، زەيدنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۋەتكىلى تاسلا قالدى.
5. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ۋەھىي بىلەن نازىل بولغان ھېلىقى پەرىشتىنى ئەسلى قىياپىتىدە كۆرەتتى پەرىشتە ئۇنىڭغا ئاللاھ خالىغان ۋەھىيلەرنى يەتكۈزەتتى. بۇ خىلدىكى ۋەھىي سۈرە نەجمىدە زىكرى قىلىنغىنىدەك جەمئىي ئىككى قېتىم مۇيەسسەر بولغان.
6. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مىئراجغا چىققاندا، يەتتىنچى ئاسماندا ئاللاھ بىۋاسىتە ئۇنىڭغا ناماز ۋە باشقا ئەمەللەرنى پەرز قىلىپ نازىل قىلغان ۋەھىيسىدۇر.
7. ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرگە پەرىشتىنى ۋاسىتە قىلماستىن مۇسا ئەلەيـھىسسالامغا سۆزلىگەندەك بىۋاسىتە سۆز قىلىشى. بۇ خىل مەرتىۋە مۇسا ئەلەيـھىسسالامغا مۇيەسسەر بولغانلىقى «قۇرئان كەرىم»دە نەقىل قىلىنغان، ئەمما پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ بۇ مەرتىۋىگە مۇشەررەف بولغانلىقى ئىسرا ھەدىسى بىلەن سابىتتۇر.
يەنە بەزى ئالىملار ۋەھىينىڭ سەككىزىنچى بىر خېلى بار. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ھىجاپسىز ھالدا يۈزمۇ-يۈز ۋەھىي قىلىشىدۇر»، دېيىشتى. بۇ ئەھلى سەلەف (بۇرۇنقى) ئۆلىمالار بىلەن ئەھلى خەلەف (كېيىنكى ئۆلىمالار) ئارىسىدىكى ئىختىلاپلىق مەسىلىدۇر. ئەلھەمدۇلىللاھ، ۋەھىينىڭ بىرىنچى ۋە سەككىزىنچى مەرتىۋىسىنى ئازراق قىسقارتىپ نەقىل قىلىش بىلەن ۋەھىي تۈرلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ئاياغلاشتى.
ئىلاھى چاقىرىق ۋە ئۇنىڭ ماددىلىرى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ﴿يايھا المدڭر قم فانۇر وربك فكبّر وڭيابك فطھر والرّجز فاھجر ولا تمنن تستكڭر﴾ تەرجىمىسى: «ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) تۇر! ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر. پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا، كىيىمىڭنى پاك تۇت. ئازابتىن (يەنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول. كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى كىشىگە بىرەر نەرسە سوۋغا قىلساڭ، ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئېلىشنى تەمە قىلما)، پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەبرى قىل»، دېگەن مەزمۇندا بىر نەچچە ئىلاھىي چاقىرىقلارنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ چاقىرىقلار گەرچە قارىماققا ئاددىي، يۈزەكىدەك تۇيۇلسىمۇ، ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلغاندا مەنىسى چوڭقۇر، نىشانى ئېنىق، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك، رېئال ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە، دانا بۇيرۇقلاردۇر.
1. ئاگاھلاندۇرۇش. بۇنىڭدىن مەقسەت: «ھاياتلىق ئالىمىدىكى ھەر قانداق بىر شەخسنى ئاللاھ رازى بولمايدىغان يولدا مېڭىۋېرىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ قەلب تارىلىرىنى قورقۇنچ ۋە ئەيمىنىش پەردىلىرى بىلەن تەسىرلىك رەۋىشتە چىكىپ قويۇشتىن ئىبارەت.
2. پەرۋەردىگارىنى ئۇلۇغلاش. بۇنىڭدىن مەقسەت: «يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ ئەزەمىتى ۋە كاتتا شانۇشەۋكىتىدىن باشقا ھەر قانداق بىر ھاكاۋۇر، ياۋۇز كۈچنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە جىمى، ‹ئۇلۇغلۇق بۈيۈكلۈك›ئاللاھقىلا مەنسۇپ، دېگەن ئەقىدىنى تۇرغۇزۇش.
3. كىيىمنى پاك تۇتۇش ۋە ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئىشلارنى تاشلاش، بۇنىڭدىن مەقسەت: ئىنسان ئىچى ۋە تېشىنى ئۈزۈل-كېسىل پاكلاش، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ سايىسى ۋە ھىدايىتىنىڭ نۇرى ئاستىدا ياشىغانىكەن، مۇمكىن قەدەر بارلىق سەلبىي ئىشلاردىن ۋە ئادەمنىڭ روھىغا داغ كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىش، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ياخشى ئۈلگە بولغىلى بولىدۇ، بۇ چاغدا ساغلام قەلب ئىگىلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشىدۇ. گۇمران رەزگى دىللارمۇ ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى ۋە ئالىي جاناپ پەزىلىتىنى ھېس قىلالايدۇ. نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيا ئىختىيارى ياكى مەجبۇرىيي ھالدا ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا مەركەزلىشىدۇ».
4. قىلغان-ئەتكەن ياخشىلىقنى كۆپ ساناپ كەتمەسلىك، بۇنىڭدىن مەقسەت: «ئىنسان ئۆزىنىڭ ياخشى ئىش-ئىزلىرىنى، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى بەك چوڭ ساناپ كەتمەسلىك، داۋاملىق ھارماي-تالماي تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەش، جاپا چېكىش، بەدەل تۆلەش ۋە قۇربان بېرىش ئىرادىسىنى تىكلەش. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كېتىش، بەلكى ئاللاھنى ئويلىغاندا قىلغان ياخشى ئىش، ياخشى پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ يۈرۈيدىغان ئەمەس، ھەتتا ئۆزىنى ئۇنتۇيدىغان بارلىقىنى ئاللاھ يولىغا پىدا قىلىدىغان ئىرادىگە كېلىش».
5. ئاخىرقى ئايەتتە پات ئارىدا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ھەققانىيەتكە قارشى زالىملارنىڭ قارشىلىق، مازاق ۋە مەسخىرەلىرىگە، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ۋە ياكى ئەسھابىلىرىنى ئۆلتۈرۈش قەستلەشلەرگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنى تەلتۈكۈس يوقۇتۇش غەرەزلىرىدە بولۇش قاتارلىق ئەزىيەت-كۈلپەتلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىشارەت بېرىلگەن، ھەمدە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ ئەمەس، بەلكى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭلا رازىلىقىنى كۆزلەپ، يوقارقىدەك ھەرقانداق قىيىنچىلىق، ئېغىر كۈلپەتلەرگە پەرۋا قىلماي باتۇرانە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشكە بۇيرۇغان.
ئاللاھۇ ئەكبەر (ئاللاھ ھەممىدىن كاتتا). بۇ ئەمىر پەرمانلار كۆرۈنۈشتە تولىمۇ ئاددىي ئەمما كىشىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىشى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى نېمە دېگەن كۈچلۈك؟ ئەھمىيىتى نېمىدېگەن زور ھەم كەسكىن پۈتۈن دۇنيانى ، بىرلا نىشانغا يېتەكلەشتە نېمىدېگەن يارقىن ھەم جەلپ قىلارلىق ؟!
يۇقارقى ئايەتلەر دەۋەت ۋە ۋەز-نەسىھەت ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، «ئىنزار»، يەنى ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنڭ ئۆزىلا ھاياتلىقتىكى بەزى ئەمەللەر ئۆز ئىگىلىرىگە ئىنتايىن يامان ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئالايلى، ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ نامى-ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى مۇشۇ دۇنيادا تولۇق، نەق كۆرەلمەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ياخشى يامان، جازا-مۇكاپاتى مۇشۇ دۇنيادا ھەرگىزمۇ يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەيدۇ. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، «ئىنزار» نىڭ ئۆزىلا ئەمەللەرگە قارىتا چوقۇم ھېساب-كىتاب بولىدىغانلىقى ۋە ھاياتىي دۇنيانىڭ كۈنلىرىدىن باشقا بىر كۈننىڭ چوقۇم مەۋجۇدلۇقىنى شەرتسىز دەلللەيدۇ. ئۇ كۈن بولسىمۇ «قىيامەت» كۈنىدۇر، ئەلۋەتتە.
مانا بۇ كۈننىڭ مەۋجۇدلۇقى بىزدىن دۇنيادا ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتتىن ئۆزگە بىر ھاياتنىڭ مەۋجۇد بولىدىغانلىقىنى ۋۇجۇدىمىزدىن تەسلىم بولۇپ، چۈشىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئايەتنىڭ داۋامى يەنە بەندىلەردىن توغرا ئەقىدىلىك بولۇشىنى، ھەممە ئىشتا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىشتەك شەخسىيەتچىلىكنى تەرك ئېتىشنى ۋە ئاللاھنى نارازى قىلىش بەدىلىگە بەندىلەرنىڭ رازىلىقى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ۋىجدانسىزلىق ئىللەتلەرنى قەتئىي تەرك ئېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
دەۋەت تېمىلىرىنى تۆۋەندىكى ماددىلارغا مەركەزلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
1. تەۋھىد، يەنى تەبىئەتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە باشقۇرۇچىسى يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش.
2. قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش.
3. يامان ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان مۇنكەر، پاھىشە ئىشلاردىن قول ئۈزۈش ۋە ئۇلۇغۋار، گۈزەل، ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۆز نەپسىنى پاكلاش.
4. ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش.
5. يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە دانا يوليورۇقلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىش… قاتارلىقلار.
ئاندىن ئايەتنىڭ باشلىنىشىلا بۈيۈك ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى بۇ ئۇلۇغۋار ئىشقا تەكلىپ قىلىش نىداسى ۋە ئۇنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ۋە بېشىنى چۆمكىۋېلىپ، بىخۇت يېتىۋېلىشتىن، جىھاد قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ۋە جاپا-مۇشەققەتكە چاقىرىش نىداسى ﴿يايھا المدېر قم فانزِر﴾ «ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) تۇر، (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر»، بىلەن باشلىنىدۇ. مەزكۇر ئايەتتە گويا: «ئى مۇھەممەد! بىر كىشىلىك نەپسى (جېنى) ئۈچۈنلا ياشىغۇچىلار جاپا تارتماي راھەتلىك ياشىشى مۇمكىن، ئەمما ساڭا ئوخشاش بۇنداق ئېغىر يۈكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيقۇنىڭ نېمە كېرىكى؟ راھەت پاراغەتنىڭ نېمە كېرىكى؟ ئىللىق فىراش، تىنچ تۇرمۇش ۋە كۆركەم مال-ماتالارنىڭ نېمە كېرىكى؟! تۇر! ئۇلۇغۋار ئىشلار سېنى كۈتمەكتە! ئېغىر يۈك (ئىلاھىي ئەلچىلىك يۈكى)نى زىممەڭگە ئېلىش ئۈچۈن تۇر! جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىن كۈلپەتلەر ئۈچۈن تۇر! قانغىچە ئۇخلاش، راھەت پاراغەت ۋە ھۇزۇر ھالاۋەتنىڭ ۋاقتى كەلمەسكە كەتتى. ئەمدى بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئىزچىل بىدارلىق ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان جاپالىق كۈرەش باشلىنىدۇ، تۇر! مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن تەييار تۇر! ۋە بۇيرۇق كۈت!»، دېيىلگەنىدى.
مانا بۇ قەتئىي ھەم كەسكىن بۇيرۇق پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى ئائىلە شادلىقىدىن، راھەتلىك، ئىللىق كۆرپىسىدىن ۋە تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشتىن سۆرەپ تارتىپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىكى مەۋقەسىزلىك، خۇراپاتلىق ۋە بولمىغۇر ناھاقچىلىقلار ئارىسىغا ئىختىيارسىز ئىتتىرىپ ئەكىردى.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ بۇيرۇققا بىنائەن ئورنىدىن دەس تۇردى، ئۇ شۇ تۇرغانچە 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىزچىل مۇستەھكەم، سابىت بەرقەدەم تۇردى. ئۇھ…، دەپ راھەت سېغىنىپ ئولتۇرمىدى. ھېرىپ توختاپ قالمىدى. ئەمدى بولدى قىلاي دېمىدى، ئۆز شەخسىيىتى ۋە ياكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈنلا ياشىمىدى.
ئۇ يەر شارىدىكى ئەڭ ئېغىر يۈك، چوڭ ئامەنەت يۈكىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىدە يۈكىنى ۋە ھەر قايسى مەيدانلاردىكى جەڭ ۋە جىھاد يۈكىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ ھارماي-تالماي ئىزچىل ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىپ 20 يىلدىن كۆپرەك ھاياتىنى كۈرەش مەيدانىدا ئۆتكۈزدى. ئۇ بۇ ئىلاھىي چاقىرىقنى تاپشۇرۇۋېلىپ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بويان بىر ئىشنى يەنە بىر ئىشقا توقۇنۇشتۇرۇپ قويمىدى، بىر ئىشنى دەپ يەنە بىر ئىشنى ئاقسىتىپ قويمىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا بىز ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋاكالىتەن ئەڭ ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن! ئامىين!!!
تۆۋەندىكى قۇرلار پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ دەۋەت ئېلىپ بارغان مۇددەتتىكى جاپالىق، كۈرەشچان، ئۆمۈر مەنزىللىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن تەسۋىرىدۇر. ئۇنى كۆڭۈل ئېكرانىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ كۆرگەيسىز!!!
دەۋەت مەزگىلى ۋە ئۇنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ دەۋەت ئېلىپ بارغان مەزگىلىنى مۇنداق ئىككى دەۋرى باسقۇچقا بۆلۈشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.
1. مەككە دەۋرى، تەخمىنەن 13 يىل.
2. مەدىنە دەۋرى، ساق ئون يىل.
ئاندىن ھەر بىر دەۋر بىر قانچە باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ھەر قايسى باسقۇچنىڭ ئۆزىگە خاس ئايرىم ئالاھىدىلىكلىرى بار. بۇ ئالاھىدىلىكلەرئەينى چاغدىكى شەرت-شارائىتلارغا ئىنچىكىلەپ نەزەر سالغىنىمىزدا خېلى روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
مەككە دەۋرى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.
-
يوشۇرۇن دەۋەت باسقۇچى، ئۈچ يىل.
-
مەككە تەۋەسىدە ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتۈش باسقۇچى، پەيغەمبەرلىكنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ بېشىدىن ئونىنچى يىلنىڭ ئاخىرىىلىرىغىچە.
-
مەككىنىڭ سىرتىدىكى دەۋەت باسقۇچى ۋە دەۋەتنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلەرگە كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلۇشى. بۇ ئونىنچى يىلنىڭ ئاخىرىلىرىدىن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى مەزگىلدۇر.
مەدىنە دەۋەت دەۋرىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىنىڭ تەپسىلاتى ئۆز نۆۋىتىدە بايان قىلىنىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ — دەۋەت كۈرىشى
بۆلۈم: “بىرىنچى باسقۇچ — دەۋەت كۈرىشى”ئۈچ يىللىق يوشۇرۇن دەۋەت
ھەممىگە مەلۇم، مەككە ئەرەبلەرنىڭ دىنىي پايتەختى، ئۇلۇغ كەئبىنىڭ مۇتەسەددىلىرى (باشقۇرغۇچىلىرى) ۋە بارلىق ئەرەب خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى (ئاتالمىش) مۇقەددەس بۇت-ھەيكەللەرگە قارىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، مۇشۇ مەككىدە ئولتۇراقلاشقان. شۇڭا، بۇ يەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىدىيە ۋە ئەقىدىنى توغرا يولغا سېلىشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي نىشانغا يېتىش مەككىنىڭ سىرتىدىكىدىن كۆپ قىيىنغا توختايدۇ. دېمەك، بۇ ئىش ۋاقتىنچە قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان دانا بىر تەدبىرگە موھتاج بولغاچقا، مەككىلىكلەرنى بىراقلا چۆچۈتۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئىسلام دەۋىتى دەسلەپكى مەزگىلدە سەل-پەل يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىشى ئەڭ ياخشى دانا تاللاش ئىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ مۇشۇ ئۇسۇلنى تاللىدى.
تۇنجى ئەۋلاد مۇسۇلمانلار
شۇنىسى تەبىئىكى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ دىننى ئاۋۋال ئۆز ئائىلىسى ۋە مۇناسىۋىتى يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىگە تەڭلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا، ئۇ تۇنجى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى، يەنى ئۆز ئائىلىسىنى ۋە يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىنى، شۇنىڭدەك تونۇش بىلىشلىرى، بولۇپمۇ ئۇلار ئىچىدىن «ھەق سۆيەر، ياخشى تەبىئەتلىگلىكى» بىلەن تونۇلغان، ئۇلارمۇ رەسۇلۇللاھنى، «راستچىل ھەقىقەت ياقلىغۇچى»، دەپ بىلىدىغان، «ۋۇجۇدىدا ياخشىلىقنىڭ ئەسىرى بار بىر قىسىم كىشىلەرنى تاللاپ ئىسلامغا چاقىردى. نەتىجىدە، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالىيجاناپلىقى، شەخسىيەتسىزلىكى ۋە راستچىللىقىغا شەكلەنمەيدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ دەۋەتكە تۇنجى بولۇپ ئاۋاز قوشتى، ئۇلار ئىسلام تارىخىدا «تۇنجى ئەۋلاد مۇسۇلمانلار»، دەپ ئاتالدى. ئۇلارنىڭ دەسلەپ ئىپتىگارىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد، رەسۇلۇللاھنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلى زەيد ئىبنى ھارىس ئىبنى شۇرەھبىل كەلبى، رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب (ئۇ بۇ چاغدا تېخى نارەسىدە بالا بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ كاپالىتىدە بالا چىراي تۇرۇۋاتاتتى) ۋە يېقىن دوستى ئەبۇ بەكرى سىددىقلەر مۇسۇلمان بولدى. بۇلار دەۋەت باشلانغان بىرىنچى كۈنىلا مۇسۇلمان بولغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ بەكرىمۇ دەۋەتكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇ خۇش پېئىل، ئاغىنىدارچىلىقى ياخشى، چىقىشقاق تەبىئەت، ئەخلاقلىق، كەڭ قول ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ پاراسەتلىكلىكى، تىجارەتتىكى ئېپى ۋە شېرىن سۆھبەت ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ قەۋمى-جامائىتى ئوتتۇرىسىدىكى باردى-كەلدى مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرغانىدى ۋە ئەل ئارىسىدىكى تەسىرىنى زورايتقانىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ سۆھبىتىگە ھازىرلىق قىلىدىغان قەۋمى-قېرىنداشلىرىدىن ئىشەنچ قىلالايدىغانلىرىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ مەسلەكداشلىرىدىن ئوسمان ئىبنى ئەففان ئۇمەۋى، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ئەسەدى، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف زۇھرى، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس زوھرى ۋە تەلھە ئىبن ئوبەيدۇللا تەيمى قاتارلىقلار مۇسۇلمان بولدى. ھەممىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان بۇ سەككىز شەخس تارىختا ئىسلام ئاۋانگارتلىرى (يەنى تۇنجى ئەۋلاد مۇسۇلمانلار) بولۇپ قالدى.
دەسلەپ مۇسۇلمان بولغانلاردىن يەنە بىلال ئىبنى ئەبى رەباھ ھەبەشىيمۇ بار. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇلارغا ئەگىشىپ، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىر ئىبنى جەرراھ (بەنى ھارىس جەمەتىدىن)، ئەبۇ سەلىمە ئىبنى ئابدۇلئەسەد (بەنى مەخزۇم جەمەتىدىن)، ئەرقەم ئىبنى ئەبىلئەرقەم (بەنى مەخزۇم جەمەتىدىن)، ئوسمان ئىبنى مەزئۇن ۋە ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشى قۇدامە ۋە ئابدۇللاھ، شۇنىڭدەك ئۇبەيدە ئىبنى ھارىس ئىبنى مۇتەللىپ، (ئىبنى ئابدۇماناف) ۋە سەئەد ئىبنى زەيد (بەنى ئەدى جەمەتىدىن) ۋە ئۇنىڭ ئايالى فاتىمە بىنتى خەتتاب (ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ھەمشىرىسى)، خەبباب ئىبنى ئەرەت، بەنى ھۇزەيل جەمەتىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇلاردىن باشقا بىر بۆلۈك كىشىلەر مۇسۇلمان بولدى. ئەنە شۇلار قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ھەر قايسى ئايماقلىرىدىن ئەڭ دەسلەپ مۇسۇلمان بولغانلاردۇر.
ئىبنى ھىشام: «بۇلارنىڭ سانىنى 40 كىشى ئىدى»، دەپ ھېسابلىدى. لېكىن، ئۇنىڭ ھېسابىدىكى بەزىلەرنى دەسلەپكى مۇسۇلمانلاردىن ساناشتا بىر ئاز مەسىلە بار.
ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئەر-ئايال، توپ-توپ بولۇپ ئىسلامغا كىرىشكە باشلىدى. مەككىدە ئىسلام توغرۇلۇق گەپ-سۆزلەر تارقالدى. بارا-بارا ئىسلام ھەققىدىكى پاراڭ كىشىلەرنىڭ سۆز تېمىسىغا ئايلاندى.
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن مۇسۇلمان بولغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالاممۇ ئۇلار بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىپ، دىنىي ئەھكاملارنى يوشۇرۇن ئۆگىتىپ تۇراتتى. چۈنكى، دەۋەت تېخىچە ئايرىم-ئايرىم شەخسلەر بويىچە يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.
سۈرە مۇددەسسىرنىڭ باش قىسمى نازىل بولۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋەھىي ئارقىمۇئارقا نازىل بولۇشقا باشلىدى. شۇ مەزگىللەردە نازىل بولغان ئايەتلەر ۋە سۈرە بۆلەكلىرى ئەينى دەۋرنىڭ تىنچ ۋەزىيىتىگە ماس كېلىدىغان، جۈملە بۆلەكلىرى قىسقا، مۇڭلۇق ئايرىم پاسىلغا ئىگە، تەسىرلىك ۋە جەزبىدارلىققا ئىگە ئايەتلەر بولۇپ، بۇ ئايەتلەر ئىنسان نەپسىنى پاكلاش، دۇنيادىكى سەتچىلىكلەرگە چېتىلىپ قېلىشتىن سەسكەندۈرۈش، جەننەت ۋە دوزاخلەرنى گويا كۆز بىلەن كۆرگەندەك تەسۋىرلەش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنى ئۇلار ياشاۋاتقان ئاشۇ جەمئىيەتتىن باشقا بىر مۇھىتقا باشلاپ باراتتى.
ناماز
دەسلەپ نازىل بولغان ئايەتلەردە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغان ئەمىر-پەرمانلار بار ئىدى. مۇقاتىل ئىبنى سۇلايمان: «ئاللاھ تائالا ئىپتىدائىي ئىسلام دەۋرىدە (ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى)دا ئەتىگەندە ئىككى رەكئەت، كەچتە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغانىدى. بۇ ھەقتە ﴿وسبِچ بچمدِ ربِك بِالىشي والابكار﴾ «ئاخشىمى، ئەتتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ بىلەن ھەمدى ئېيتقىن» (سۈرە مۇئمىن 55- ئايەت)، دېيىلگەن، دەيدۇ.
ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مىئراجغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىمۇ ۋە ساھابە-كىراملارمۇ چوقۇم ناماز ئوقۇيتتى. لېكىن، مۇسۇلمانلار ھازىر ئادا قىلىۋاتقان بەش ۋاقىت ناماز پەرز قىلىنىشتىن ئىلگىرى يەنە باشقا ناماز پەرز قىلىنغانمۇ، يوق؟ بۇ توغرىدا قاراش ئوخشاش ئەمەس. ئىېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ ۋاقىتلاردا كۈن چىقىشتىن بۇرۇن كۈن پاتقاندىن كېيىن ئادا قىلىش پەرز قىلىنغان ناماز بار ئىكەن. ھارىس ئىبنى ئۇسامە ئىبنى لۇھەيئە دىن ئۇ زەيد ئىبنى ھارسىتىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي نازىل بولغان دەسلەپكى كۈنلەردە، جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام كېلىپ ئۇنىڭغا تاھارەت ئېلىشنى ئۆگەتتى. رەسۇلۇللاھ تاھارەتتىن پارىغ بولغاندىن كېيىن، بىر ئوچۇم سۇنى ئېلىپ ئەۋرىتىگە چاچتى»، دېيىلگەن. بەررا ئىبنى ئازىب ۋە ئىبنى ئابباسلارمۇ شۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى نەقىل قىلغان. ئىبنى ئابباسنىڭ رىۋايىتىدە: «مانا بۇ ئەڭ بۇرۇن نازىل بولغان پەرزلەر ئىدى»، دېگەن سۆز قىستۇرۇلغان.
«تارىخ ئىبنى ھىشام» دېگەن كىتابتا: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ۋە ساھابىلەر ناماز ۋاقتى كىرگەندە، تاغ جىلغىلىرىغا بېرىپ، ئەل كۆزىدىن يىراق جايلاردا نامازلىرىنى يوشۇرۇن ئوقۇشۇپ كېلەتتى. بىر قېتىم ئەبۇ تالىب رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەلىينىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىغان ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇ ئىككىيلەننى سۇباتلىق بولۇشقا بۇيرۇغان»، دېيىلگەن.
بۇ ھەقتىكى تولۇقسىز خەۋەر قۇرەيش كاتتىلىرىغا ئاڭلاندى
ئەينى چاغدىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، (مۇشۇ مەزگىلدە) دەۋەت گەرچە مەخپىي ئايرىم-ئايرىم شەخسلەر بويىچە يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، قۇرەيش دائىرىلىرى بۇنى ئۇقماي قالمىغان. بىراق، ئۇلار بۇنىڭغا ئارتۇقچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەنىدى.
مۇھەممەد غەززالى مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دەۋىتى ھەققىدىكى مىش مىش خەۋەرلەر قۇرەيش دائىرلىرىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىدى. چۈنكى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنى ئۇمەييە ئىبنى ئەبى سەلت، قىس ئىبنى سائىد ۋە ئەمرى ئىبنى نەۋفەللەرگە ئوخشاش ئىلاھىيەت ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرى ئۈستىدە گەپ قىلىدىغان دىن دەۋاگەرلىرىنىڭ بىرسى بولسا كېرەك›، دەپ، گۇمان قىلغانىدى، لېكىن ئۇلار دەۋەت خەۋىرىنىڭ ئەتراپقا تاراپ، تەسىرى كېڭىيىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ دەۋەت ۋە ئۇنىڭ كۈندىلىك تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ۋە بۇ دىنغا كىرگەنلەرگە ئاستىرتتىن نازارەت قىلىشقا باشلىدى.
ھەش-پەش دېگۈچە ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئىسلام دەۋىتى گەرچە شەخسلەر ئارا يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، شۇنىڭ مابەينىدە، ئىسلامى قېرىنداشلىق ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش ۋە ئۇنى ئۆز جايىغا قارار تاپقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالايدىغان بىر تۈركۈم سادىق مۇئمىنلەر بارلىققا كېلىپ بولغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتۈشكە، باتىل ئىشلارغا قورقماي قارشى تۇرۇشقا ۋە بۇتپەرەسلىككە قارشى دادىل ھۇجۇم قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىپ، ۋەھىيلەر نازىل بولدى.
ئىككىنچى باسقۇچ — ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتۈش
بۆلۈم: “ئىككىنچى باسقۇچ — ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتۈش”تۇنجى ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتۈش بۇيرۇقى
ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتۈش ھەققىدە تۇنجى بولۇپ ئاللاھنىڭ ﴿وانۇر ىشيرتك الاقربين﴾ «يېقىن خىش-ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن»، («قۇرئان كەرىم» سۈرە شۇئەرا 214- ئايەت)دېگەن ئايىتى نازىل بولدى. مەزكۇر ئايەت نازىل بولغان سۈرە شۇئەرادا ئاۋۋال مۇسا ئەلەيـھىسسالام پەيغەمبەر بولغاندىن تارتىپ ئۇ تاكى بەنى ئىسرائىلنى باشلاپ ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ۋە ئۇلارنىڭ فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قولچۇماقلىرىدىن قۇتۇلغاندىن تارتىپ، فىرئەۋننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن قوشۇپ غەرق قىلىۋېتىلگەنگە قەدەر بولغان بىر قاتار جىددىي ھەم تەسىرلىك ۋەقەلەر جەريانى بايان قىلىندى. بۇ قىسسە مۇسا ئەلەيـھىسسالامنىڭ فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى ئاللاھ تەرىپىگە دەۋەت قىلىش جەريانىدا، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جىمى سەرگۈزەشتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. مېنىڭچە، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتۈش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىش ھارپىسىدا مۇسا ئەلەيـھىسسالامنىڭ ۋەقەسىنى بۇنچىۋالا تەپسىلىي بايان قىلىپ كەلتۈرۈشتىكى مەقسەت پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ۋە ساھابە-كىراملار ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتكەندە ئۇچرايدىغان قارشىلىق، ئاھانەت ۋە زۇلۇم-سىتەملەر ئالدىدا بۇ قىسسەلەر ياخشى ئۈلگە بولسۇن ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ئۇلار ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتۈشتىن ئاۋۋال ئۆز ئىشلىرىغا تولۇق ئىدىيىۋى تەييارلىق كۆرۈپ قويسۇن ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى، ھەقىقەتنىڭ ئۆز نۇرىنى تولۇق چېچىشى، مۇقەررەر يوسۇندا باتىلنىڭ زۇلۇم-سىتەم قورغانلىرىنى چېقىپ تاشلاش ۋە ئۇلار بىلەن جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئاندىن ئەمەلگە ئاشاتتى. شۇڭلاشقا، بۇنداق ۋاقىتتا مۇسۇلمانلاردا ئەنە شۇ قىيىنچىلىقلارغا نىسبەتەن ئىدىيىسىدە تەييارلىق بولۇشى، ئالدىنئالا تەۋرەنمەس ئېتىقاد، ئىرادە ھازىرلىشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بۇ سۈرە (فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە) نۇھ ئەلەيـھىسسالامنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە سەمۇد خەلقى، ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامنىڭ قەۋمى، لۇت ئەلەيـھىسسالامنىڭ قەۋمى قاتارلىق ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغۇچىلارنىڭ ۋە ئەيكە ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يامان قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تەسۋىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇنى كەلتۈرۈشتىن مەقسەتمۇ ئەلۋەتتە پات ئارىدا ئۆز پەيغەمبىرىگە قارىغۇلارچە قارشى چىقىپ، ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى، ھەتتا ئەكسىيەتچىل مەيداندا داۋاملىق چىڭ تۇرۇۋېرىدىغان بولسا، چوقۇم ئاللاھنىڭ قاتتىق جازالىشىغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالسۇن ئۈچۈن ۋە مۇئمىنلەر ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ چوقۇم پارلاق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋالسۇن ئۈچۈن ئىدى.
يېقىن خىش-ئەقرىبالار ئارىسىدىكى دەۋەت
مەزكۇر ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئاۋۋال بەنى ھاشىم جەمەتىنى چاقىردى. شۇئان ئۇلارمۇ ھازىر بولۇشتى. ئۇلارغا بەنى مۇتەللىپ ئىبنى ئابدۇماناف جەمەتىدىن بىر قانچە ئادەم قوشۇلۇپ يېغىلغانىدى. يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ سانى 45 كىشىگە يەتتى. ئۇلار تولۇقلىنىپ بولماي تۇرۇپلا ئەبۇ لەھەب سورۇننىڭ كەيپىياتىنى بۇزدى، ئۇ: «بۇ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ تاغىلىرىڭ ۋە ياكى تاغىلىرىڭنىڭ بالىلىرى، ھە … سۆزلە! لېكىن ھېلىقى يات دىننىڭ گېپىنى قىلغۇچى بولما! شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، سېنىڭ قەۋمىڭ پۈتۈن ئەرەبلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ، سېنى توسۇشقا مەن ھەقلىق. ئەمما، ھازىرچە ئۆز پۇشتىلىرىڭ كۇپايە. ناۋادا گېپىمگە قۇلاق سالماي ئۆز بېشىمچىلىق قىلىۋېرىدىغان بولساڭ، پۈتۈن ئەرەبلەر بىر ياقتىن قول چىقىرىپ، قۇرەيشلەر باش بولۇپ، ساڭا قول سالغاندىن كۆرە ئۆز جەمەتىڭنىڭ سېنى توسقىنى تۈزۈك، مەن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا سېنىڭدەك بالا-قازا ئېلىپ كەلگەن ئادەمنى كۆرمىگەنمەن،»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام جاۋاب قايتۇرماي جىم تۇردى ۋە سورۇن ئەھلىمۇ تارقاپ كېتىشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ھېلىقى جەمەتداشلىرىنى يەنە بىر قېتىم قايتا چاقىرىپ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، مەن ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. ئۇنىڭدىن مەدەت ۋە ياردەم تىلەيمەن. ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىمەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىمەن ۋە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھ يەككە-يىگانىدۇر، شېرىكى يوقتۇر»، دېدى. ئاندىن مۇنداق دېدى: «چوقۇم ھەر قانداق بىر قەۋمنىڭ ئەلچىسى ئۆز قەۋمىگە يالغان سۆزلىمەيدۇ، يەككە يىگانە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. مەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئالايىتەن، پۈتۈن ئىنسانلارغا ئۇممەتەن ئەۋەتكەن ئەلچىسىدۇرمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر گويا ئۇخلىغاندەك ئۆلىسىلەر، ئويغانغاندەك تىرىلىسىلەر، قىلغان-ئەتكەن نامە-ئەمەللىرىڭلاردىن ھېساب ئېلىنىسىلەر، ھېسابتىن كېيىن ئورنۇڭلار مەڭگۈلۈك جەننەتتىدۇر ۋەياكى مەڭگۈلۈك دوزاخدۇر، خالاس»، دېدى. بۇنىڭغا قارىتا ئەبۇ تالىب ناھايىتى ياخشى پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ساڭا ياردەمدە بولۇش بىز ئۈچۈن شەرەپ، بىز سېنىڭ نەسىھىتىڭنى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمىز، سۆزۈڭگە چىن پۈتىمىز. مانا سېنىڭ بوۋاڭنىڭ ئەۋلادلىرى جەم بوپتىمىز. مەن ئۇلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپتىم بىلەن سەن ياقتۇرىدىغان ئىشلارغا ئالدىرايمەن، سەن ئۆز ئىشىڭغا راۋان بولغىن ئەزبىرايى خۇدا، مەن سېنى مەڭگۈ قوغدايمەن ۋە ھىمايە قىلىمەن، بىرلا ئىش ئاتام ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ دىنىدىن ئايرىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايۋاتىدۇ». ئۇنىڭ كەينىدىن ئەبۇ لەھەب يەنە ئېغىز ئېچىپ: «يائاللاھ!! بۇ سەتچىلىكنى؟! ئۇنى باشقىلارنىڭ توسىغىنىدىن كۆرە، ئۆزەڭلار توسساڭلار بولمامدۇ؟!» دېدى. بۇنىڭغا جاۋابەن ئەبۇ تالىب: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز ھاياتلا بولىدىكەنمىز، ئۇنى جان تىكىپ قوغدايمىز»، دېدى. سورۇن ئەھلى غۇلغۇلا ئىچىدە تارقاپ كېتىشتى.
سەپا تېغىدا سادا
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتكەن ئەھۋالدا تاغىسى ئەبۇ تالىب ئۇنى قانات ئاستىغا ئېلىپ ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن، ئۇ بىر كۈنى ساپا تېغىغا چىقىپ: «يا سەباھاھ »، دەپ توۋلىدى. بۇ سادانى ئاڭلىغان قۇرەيش ئايماقلىرى تەرەپ-تەرەپتىن يىغىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇلارنى تەۋھىد (بىر خۇدالىق ئەقىدىسى)گە ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشكە ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ بەرھەقلىكىگە ئىشىنىشكە چاقىردى. ئىمام بۇخارى بۇ قىسسىنىڭ بىر قىسمىنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ و انۇر ىشيرتك الاقربين ﴾ «يېقىن خىش-ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن»، دېگەن ئايەت نازىل بولۇۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ساپا تېغىغا چىقىپ: «ئى بەنى فىھرى جەمەتى! ئى بەنى ئەدىي جەمەتى!» دەپ قۇرەيش ئايماقلىرىنى بىر-بىرلەپ چاقىردى. قۇرەيش ئاممىسى يىغىلدى. ھازىرلىق قىلالمايدىغانلار نېمە ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ لەھەبمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام سۆز قىلىپ: «ئى قۇرەيش جامائەسى! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر مەن دۈشمەن ئاتلىق قوشۇنى تاغ ئارقىسىدا سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋېتىپتۇ، دېسەم مېنىڭ گېپىمگە چىن پۈتەمسىلەر؟» دېدى ئۇلار بىردەك: «شۇنداق، سېنىڭ گېپىڭگە چىن پۈتىمىز، سېنىڭ راستچىل، سەمىمى ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمىز»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «ئۇنداق بولسا، مەن سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»، دېۋىدى، ئەبۇ لەھەب: «ئى ھالاك بولغۇر، بىزنى مۇشۇنى دەپ يىغدىڭمۇ؟» دېدى. بۇ چاغدا ﴿تبت يدا ابي لھب و تب ○ ما اغنا ىنھ مالھ و ما كسب○ سيپلۈ نارًا ۇات لھب○ وامراتھط چما لە الچطب ○ في جيدھا چبل مِن مسد﴾ «ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى. ○ ئۇنىڭغا ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. ○ ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ. ○ ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سوخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ○ ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ» دېگەن سۈرە نازىل بولدى ۋە ئىمام مۇسلىم بۇ قىسسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئايەت ﴿و انۇر ىشيرتك الاقربين﴾ «يېقىن خىش-ئەقرىبالىرىڭىنى ئاگاھلاندۇرغىن»، دېگەن ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام شەخسلەر بويىچە ۋە كوللىكتىپلەر بويىچە چاقىرىپ: «ئى قۇرەيش جامائەسى! ئۆز-ئۆزۈڭلارنى دوزاخ ئازابىدىن قۇتقۇزۇڭلار! ئى ئىبنى كەئىب جەمەتى! سىلەرمۇ ئۆز-ئۆزەڭلارنى دوزاخ ئازابىدىن قۇتقۇزۇڭلار! ئى قىزىم فاتىمە! سەنمۇ ئۆزەڭنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقازغىن! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىگە ئارا تۇرالمايمەن، ئارىمىزدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئۆز يولىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ»، دېدى.
مانا بۇ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن جاراڭلىق تەبلىغ ساداسى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ سادا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا: «ئىلاھى ئەلچىلىكنى راست دەپ چىن پۈتۈش، ئوتتۇرىمىزدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر، ئەرەبلەردە ھازىر چېڭغا چىققان ئەسەبىيىلىك (تەرەببازلىق) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل بولغان ئاگاھلاندۇرۇش ھارارىتىدە ئېرىپ تۈگىدى»، دېگەننى جاكارلىغانىدى.
ھەقنى جاكارلاش ۋە مۇشرىكلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى
ھەق ئاۋازىنىڭ جاراڭلىق ساداسى مەككە تەۋەسىدە داۋاملىق ياڭرىماقتا ئىدى. ئاخىرى ئاللاھنىڭ ﴿فاپدى بما تۋمر واىرگ ىن المشركين﴾ «ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلارنىڭ مەسخىرىلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن»، دېگەن ئايىتى نازىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇلارنىڭ شېرىك-خۇراپاتلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاساسسىز ئەپسانىلىرىنىڭ ئەپتە-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاشقا كىرىشتى ۋە بۇت-ھەيكەللەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ نەقەدەر قەدرى-قىممەتسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بوتلارنىڭ ئاجىز، كېرەكسىز بىر نېمە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى. بۇتلارغا سېغىنىش ۋە بۇتلارغا چوقۇنۇشنى ئۆزى بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە قىلىۋالغانلارنىڭ ئاپ-ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى روشەن دەلىل-پاكىتلار بىلەن بايان قىلدى.
گويا چاقماق گۈلدۈرمامىسى تىنچ ھاۋا بوشلۇقىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەندەك، مۇشرىكلارنىڭ ئازغۇنلۇقىنى ۋە بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ ھاماقەتلىكلىكىنى ئاشكارا جاكارلاش مەككىلىكلەرنىڭ غەزەپ ئوتىنى لاۋۇلدىتىۋەتتى ۋە ئۇلار بۇنىڭدىن بەكلا تاسادىپىيلىق ۋە غەيرىلىك ھېس قىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىنكار قىلىشقا باشلىدى.
قۇرەيشلەر ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن بۇ يېڭى بۇرۇلۇشنى توسىماقچى بولدى. چۈنكى، بۇنداق قىلمىغاندا، ئۇلارنىڭ كونا ئەنئەنىۋى مىراسلىرى خەۋپكە ئۇچرايتتى قۇرەيشلەر تەدبىر قوللانماقچى بولدى. چۈنكى، ئۇلار: «بىر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ كۆپ ئىلاھلارغا قارشى تۇرۇش»، ۋە مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈپ قىيامەت كۈنىنىڭ ھەق ۋە راستلىقىغا ئىشىنىش دېگەننىڭ مەنىسى: «ئادەم ئۆزىنىڭ جېنى ۋە مال-مۈلكىدىمۇ ئەركىن ئىختىيارى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇ نىداغا مۇكەممەل بويسۇنۇش ۋە ئۆزىنى تەلتۆكۈس ئاتاش، دېگەنلىكتۇر. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بۇ مۇشرىكلارنىڭ دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ، پۈتۈن ئەرەبلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىدىغان خوجايىنلىق ئورنىنى يوقىتىش، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆز نەپسىنىڭ راھەت-پاراغىتىدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلا يەنە، ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان باتىل ئەقىدە، بۇزۇق قاراشلاردىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ روھىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، سىياسىي ھالەتلىرىدە ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش دېگەنلىكتۇر. بۇ يەنە تۆۋەن، ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەر ئۈستىدىن ئوينىتىدىغان قانلىق قامچىسىنى توختىتىش ۋە ئەتە-ئاخشام توختىماي ئۆتكۈزۈۋاتقان گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن قول ئۈزۈش دېگەنلىكتۇر»، دېگەنلەرنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن ۋە بۇ ئۇقۇملارنى ناھايىتى رۇشەن ئېنىق چۈشەنگەن ئىدى، شۇڭا ئۇلار ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئۇلۇغلۇق ۋە ياخشىلىقنىڭ تەسىرىدىن ئەمەس، بەلكى ﴿بَلْ يُرِيْدُ الاِنْسَانُ لِيَفْجُرَ اَمَامَھُ﴾ «بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ»، بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىنى تۆۋەنلىتىپ قويىدىغان ۋە بۇ ھوقۇق-ئىمتىيازلاردىن ۋاقىتلىق تۆۋەن چۈشۈرگۈچى يېڭى ۋەزىيەتنى زادىلا قوبۇل قىلغۇسى كەلمىدى.
قۇرەيشلەر يۇقىرىقىلارنى ناھايىتى ئوبدان تونۇپ يەتتى. لېكىن، ئۇلار: «ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ئەخلاقى كامالەتتە، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئۈلگە بولالايدىغان قەۋمى-جامائەت ۋە ئەجدادلار تارىخىدا تەڭدىشى يوق ئەڭ ئىشەنچىلىك، ئەڭ راستچىل ۋە ئەڭ سەمىمىي بىر ئەرگە قارىتا نېمە دەپ ئېۋەن قويالىسۇن؟ ئۇلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ھەيران قېلىشتى، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قېلىشقا تېگىشلىك ئىدى، ئەلۋەتتە.
ئۇلار ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، كۆپ تەپەككۇر قىلغاندىن كېيىن ئاخىرى رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن جىيەن ئىنىسىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلماقتىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەلىپىگە جىددىيلىك ۋە ھەقىقانىيەت لىباسىنى كىيدۈرۈپ، ئەبۇ تالىبقا: «مۇھەممەدنىڭ بۇ ئىلاھلىرىمىزنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىشى بۇ ئىلاھلىرىمىزنىڭ پايدا-زىيىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يوقلىقىنى سۆزلەپ يۈرۈشى، ئاشۇ ئىلاھلىرىمىزنى قاتتىق ھاقارەتلىگەنلىك ۋە ئەيىبلىگەنلىك. مۇشۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن نەچچە ئەۋلاد ئەجدادلىرىمىزنى ئازغۇن گۇمراھلار دېگەنلىك ۋە ئۇلارنى ئەقىل-پاراسەتسىز دەپ قارلىغانلىق»، دېمەكچى بولۇشتى-دە، شۇئان تەشكىللىنىپ، ئەبۇ تالىبنىڭ قورۇسىغا كەلدى.
قۇرەيش ئەلچىلىرى ئەبۇ تالىب قورۇسىدا
ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دېگەن: «قۇرەيش مۆتىۋەرلىرىدىن بىر نەچچە ئەرباب ئەبۇ تالىبنىڭ قورۇسىدا پەيدا بولدى. ئۇلار ئەبۇ تالىبقا: «ئى ئەبۇ تالىب! سەن بىلىسەن، سېنىڭ قېرىندىشىڭنىڭ ئوغلى (مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنى دېمەكچى —ت) بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىزنى قاپسىپ، تىللاۋاتىدۇ. دىنىمىزنى ئەيىپلەپ، بىزنى ئەقىل-ئىدراكسىز بىر نەرسىگە، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئازغۇنلۇققا چىقىرىۋاتىدۇ. ئۇنى ياكى ئۆزۈڭ توسىغىن ياكى بىزنىڭ توسۇشىمىزغا يول قويغىن. چۈنكى، سەنمۇ بىز تەرەپتە، ئۇنى توسۇش ئىشىنى ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلىمىز»، دېيىشتى. بۇ چاغدا، ئەبۇ تالىب ئەلچىلەرگە چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۆزرەخاھلىق ئېيتىپ ياندۇردى. ئۇلارمۇ قايتىپ قېلىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالاممۇ ئاللاھنىڭ دىنىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەۋھىيد دەۋىتىنى قانات يايدۇرۇشنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرۇۋەردى.
ھاجىلارنى دەۋەتكە قۇلاق سېلىشتىن چەكلەش توغرىسىدىكى كېڭەش يىغىنى
مۇشۇ كۈنلەردە قۇرەيش دائىرىلىرى باشقىچە بىر غەمگە پاتتى. سەۋەبى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئاشكارا، دەۋەتكە ئۆتكىنىگە بىر قانچە ئاي بولمايلا، ھەج مەۋسۇمى يېقىنلاپ كەلگەنىدى. قۇرەيشلەر ھەر قايسى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ھەج ئۆمەكلىرى پات ئارىدا مەككىگە يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇلار: «مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام) ھەققىدە مۇۋاپىق بىر پىتنە-ئىغۋا سۆز تېمىسى تارقىتىپ بۇ دەۋەتنىڭ ھاجىلار ئارقىلىق پۈتۈن ئەرەبلەرگە تاراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، دەپ قارىدى»، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇشۇ سۆزىدە بىرلىككە كېلىۋېلىش ئۈچۈن ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرەنىڭ ئۆيىگە جەم بولۇشتى. ۋەلىد ئۇلارغا: «بۇ ھەقتە ھەممىڭلار بىر پىكىرگە كېلىڭلار، گېپڭلار بىر يەردىن چىقسۇن، بىرىڭلار يەنە بىرىڭلارنى يالغانغا چىقىرىدىغان ياكى بىرىڭلارنىڭ سۆزىنى يەنە بىرىڭلار رەت قىلىدىغان ئىش بولمىسۇن»، دېدى. ئۇلار: «سەن دېگىن»، دېيشتى. ۋەلىد: «ياق، ئۆزەڭلار دەڭلار، مەن ئاڭلاپ باقاي»، دەپ تۇرىۋالدى. ئۇلار: «كاھىن (چىراغچى) دەيلىمىكىن»، دېۋىدى، ۋەلىد: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ كاھىن ئەمەس، بىز كاھىنلارنى جىق كۆرگەن، ئۇنىڭ دېگەنلىرى كاھىنلارنىڭ قېلىپلاشقان سۆز ئىبارىلىرى ۋە سەجئى قاپىيىلىرىگە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ»، دېدى. ئۇلار ئۇنداقتا: «ساراڭ» دەيلى دېيىشكەنىدى، ۋەلىد: «ياق ئۇ ساراڭ ئەمەس. بىز ساراڭ مەجنۇن بولغانلارنى كۆرگەن، ساراڭلارنىڭ روھى ھالىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز، مۇھەممەد ساراڭلاردەك بوغۇلۇپ، ئېگىز-پەس سۆزلەپ يۈرمەيدۇ» دېدى. ئۇلار: «ئەمىسە شائىر دەيلى»، دېۋىدى، ۋەلىد: «نەدە شائىر بولسۇن! بىز شېئىر تۈرلىرىنىڭ قوشاق، قاپىي، غەزەل، نەسىر، ئاددى ۋە مۇرەككەپ ۋەزىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىمىز، ئۇنىڭ دېگەنلىرى ھەرگىز شېئىر ئەمەس»، دېدى. ئۇلار: «ساھىر دەيلى»، دېۋىدى، ۋەلىد: «ئۇ دېگەن ساھىرمۇ ئەمەس، بىز كۆپلىگەن ساھىرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ سېھرى ئويۇنلىرىنى كۆرگەن، مۇھەممەدنىڭ ئىشى ئۇلارنىڭ دەم سېلىشى ۋە بەنت قىلىشلىرىغا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ»، دېدى. ئۇلار: «ئەمىسە نېمە دەيمىز؟» دېگەنىدى، ۋەلىد: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ گېپىنىڭ بىر خىل ھوزۇر-ھالاۋىتى بار، ئۇنىڭ ئەسلى يىلتىزى بىر. تارماق شاخچىلىرى گويا باغنىڭ باراقسان نوتىلىرىدۇر. ئۇنىڭ ھەققىدە نېمىلا دېمەڭلار ھامان چېنىپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا بىر ئاز يېقىن كېلىدىغان سۆز ‹ساھىر›، دەڭلار، ئۇ سېھىرگەرگە ئوخشاش ئاتا-بالا، ئەر-ئايال، قان-قېرىنداش ۋە يۇرت-مەھەللە ئارىسىغا نىزا-ئارازلىق سالىدىغان گەپ سۆزلەرنى ئېلىپ كەلدى»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سورۇن قاتناشچىلىرى شۇ بويىچە ئىش كۆرۈدىغان بولۇپ تارقىلىشتى.
يەنە باشقا رىۋايەتلەردە: ۋەلىد يىغىن ئەھلىنىڭ ھەممىسىنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار ۋەلىدكە: «دەل جايىغا چۈشىدىغان گەپ بولسا، سەن دېمەمسەن؟» دېيىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ۋەلىد: «ماڭا بىر ئاز مۆھلەت بېرىڭلار، مەن بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۆرەي»، دېگەن ۋە بىردەم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغاندىن كېيىن سورۇن قاتناشچىلىرىغا يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان.
ئاللاھ ۋەلىد ھەققىدە مۇدەسسىر سۈرىسىدە 11- ئايەتتىن 16- ئايەتكىچە نازىل قىلىپ، بۇ ئايەتتە ۋەلىدنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿انھ فكر و قدر○ فقتِل كيف قدر ○ ڭمَّ قتل كيف قدر ○ ڭمّ نئر ○ ڭمّ ىبس و بسر ○ ڭمّ ادبر واستكبر ○ فقال ان ھۇا الا سچر يۋڭر○ ان ھۇا الا قول البشر﴾ «ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى، (قۇرئان ۋە پەيغەمبەر توغرۇلۇق نېمە دېيىشنى) پىلانلىدى. ○ ئاندىن ئۇ قارىدى.○ لەنەت بولسۇنكى ئۇ قانداق پىلانلىدى. ○ يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى. ○ ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى، ○ ئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرىدى، (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى، ○ ‹بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىتىلگەن سېھىردۇر، ○ بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر›، دېدى»، دېدى.
يىغىن بۇ قارارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن دەرھال ئىجرا قىلىشقا كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن قۇرەيش دائىرىلىرى ھاجىلار كېلىدىغان ھەر قايسى يول ئېغىزلىرىغا چازا-توساقلارنى قۇرۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى توختىتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامدىن ھېزىي بولۇشنى تاپىلىدى ۋە ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى سەلبىي تىللار بىلەن تونۇشتۇردى.
بۇ خىزمەتنى مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگۈچى يەنىلا ئەبۇ لەھەب ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئادەتتە ھەج مەۋسۇملىرىدا، ئۇكاز ۋە مەجىننە بازارلىرىدا ھەر قايسى قەبىلە ۋە ئايماقلارنىڭ ياتاق-ئۆتەڭلىرىگە بېرىپ، ئۇلارنى ئاللاھ تەرىپىگە چاقىراتتى ۋە ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇپ بېرەتتى. مۇشۇنىڭ ھەممىسىدە ئەبۇ لەھەب رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدە (لالما ئىتتەك سۆرۈلۈپ) يۈرۈپ: «بۇنىڭ گېپىگە كىرمەڭلار، بۇ دېگەن ئۆز دىنىدىن ۋاز كەچكەن ئازغۇن، كەززاپ»، دەپ ئېغىزىنى پوق قىلىپ يۈرەتتى. دەل مۇشۇ ئەھۋال ئەرەبلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ۋە ئىسلام دىنى توغرۇلۇق ئاڭلىغان-ئۇققانلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىغا ئېلىپ كېتىشكە تۈرتكە بولدى-دە، نەتىجىدە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ توغرىدىكى گەپ-سۆزلەر پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىغا پۇر كەتتى.
ئىسلام دەۋىتىنى چەكلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان چارە-تەدبىرلەر
قۇرەيش دائىرلىرى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنى ئىسلام دەۋىتىدىن ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى توسالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ ھەقتە قايتا ئويلىشىپ كۆرۈشتى ۋە بۇ دەۋەتنى تۈپ يىلتىزىدىن چەكلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك چارە-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتى. 1. مەسخىرە قىلىش، يەنى زاڭلىق قىلىش، ھاقارەتلەش، مازاق قىلىش، يالغانغا چىقىرىپ ئىنكار قىلىش ۋە كۈلكىگە ئايلاندۇرۇپ تەسىرىنى يوقۇتۇش قاتارلىقلار. ئۇلار بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى يېتىم قالدۇرماقچى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋى ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولدى. شۇڭا، ئۇلار رەسۇلۇللاھقا ئورۇنسىز تۆھمەتلەرنى چاپلاپ، ئۇنى سەت تىللار بىلەن تىللىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنى چاقىرماقچى بولسا: «ئى مەجنۇن ساراڭ!» دەپ توۋلايتتى. سۈرە ھىجرى 6- ئايەتتە ﴿وقالو يٰايھا الۇۈ نزل ىليھ الۇكر إنك لمجنون ﴾ «ئۇلار ئېيتتى: ‹ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن بىر مەجنۇنسەن›». ئۇلار يەنە رەسۇلۇللاھنى «ساھىر، كەززاپ»، دەپ ئاتايتتى. ئاللاھ تائالا سۈرە سادتا بۇنى زىكرى قىلىپ ﴿وىجبوا ان جاءھم منۇر مِنھم ز وقال الكافرون ھۇا ساھر كۇاب﴾ «ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلگەنلىكىگە ئۇلار ھەيران قېلىشتى، كاپىرلار ئېيتتى: ‹بۇ بىر يالغانچى سېھىرگەردۇر› » (سۈرە ساد 4- ئايەت). قۇرەيشلەر بۇ ئىغۋالارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تارقىتىشقا ئاتلاندى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچراشقاندا ھېلى يەۋىتىدىغاندەك ھومىيىپ، غەزەپ بىلەن قارايتتى. ﴿وان يكاد الۇين كفروا ليۇلقونك بابپارھم لما سمىوا الۇكر و يقولون انھ لمجنون﴾ «كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يېقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ، سېنى: ‹شۈبھىسىزكى، بىر مەجنۇن›، دېيىشىدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە قەلەم 51-ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئاجىز مىسكىن ساھابىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرسا، ئۇلارنى مازاق قىلىپ: ﴿… ۆھۋلژء منّ اللھ ىليھم مّن بيننا …﴾ «… ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ …»، دېيىشەتتى. ئاللاھ تائالا بۇلارغا جاۋابەن: ﴿اليس اللھ بِاىلم بالشاكرين﴾ «ئاللاھ شۈكرى قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟»، دېدى. قىسقىسى، ئۇلار گويا قۇرئاندا تەسۋىرلىگەندەك: ﴿انّ الۇين اجرموا كانوا من الۇين ژمنو يگچكون ○ واۇا مروا بھم يتغامزون ○ واۇا انقلبوژ الۈ اھلھم انقلبو فكھين ○ واۇا راوھم قالوژ انّ ھۋلاء لگالّون ○ ومژ ارسلوا ىليھم چافئين﴾ «كاپىرلار ھەقىقەتەن مۇئمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى. ○ (مۇئمىنلەر )ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى، ○ ئۆيلىرىگە قايتقاندا (مۇئمىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ) مازاق قىلغان ھالدا قايتىشاتتى. ○ مۇئمىنلەرنى كۆرگەندە: ‹بۇلار شەكسىز ئاداشقانلار›، دېيىشەتتى. ○ ئۇلار مۇئمىنلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگىنى يوق» («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇتەففىفىين 29 — 33 ئايەتلەر)ئىدى.
2. ئىسلام تەلىماتلىرىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، گۇمان ۋە شەك-شۈبھە پەيدا قىلىش، يالغان تەشۋىقات تارقىتىپ ئاساسسىز داۋلىلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتى توغرۇلۇق تۆھمەت ۋە پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىپ، ئاممىغا ئۇنىڭ دەۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى مۇلاھىزە قىلىشقا پۇرسەت بەرمەسلىك. ئۇلار «قۇرئان كەرىم» ھەققىدە ﴿وقالوا اپاطير الاولين اكتتبھا فھي تملۈ ىليھ بكرە وّاپيلا﴾ «ئۇلار ئېيتتى: ‹(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇركى، بۇلارنى ئۇ يازدۇرۇۋالغان، (ھىپزى قىلىۋېلىش ئۈچۈن) ئۇنىڭغا ئەتىگەن-ئاخشامدا ئوقۇپ بېرىلىۋاتىدۇ› » («قۇرئان كەرىم» سۈرە فۇرقان 5- ئايەت) ۋە ھەم ﴿وقال الۇين كفروژ ان ھۇژ الا افك نِافترھ و اىانھ ىليھ قوم ژخرون ج …﴾ «ئۇلار: ‹بۇ (يەنى قۇرئان) پەقەت ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ئۆزى توقۇغان يالغاندۇر، ئۇنىڭغا ئۇنى توقۇشقا باشقا بىر قەۋم (يەنى ئەھلى كىتاب) ياردەم بەرگەن›، دەيدۇ…» («قۇرئان كەرىم» 35- سۈرە 4- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ۋەھاكازالارنى دېيىشەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ شەخسىيىتى توغرىلىق ﴿… انا يىلِمھ بشر …﴾ « …ئۇنىڭغا قۇرئاننى بىر ئىنسان تەلىم بېرىدۇ…» («قۇرئان كەرىم» سۈرە نەھلى 103- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېيىشەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ شەخسىيىتى توغرىلىق﴿مالھۇا الرسول يۆكل الطىام ويمشۈ فۈ الاسواق﴾ « ‹بازارلاردا› بىز تاماق يېگەندەك تاماق يەيدىغان، بىز ماڭغاندەك ماڭىدىغان بۇ قانداق پەيغەمبەر؟ » («قۇرئان كەرىم» سۈرە فۇرقان 7- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)، دەيتتى. «قۇرئان كەرىم»دە ئۇلارنىڭ پىتنە-ئىغۋالىرىنىڭ ئۆز ئەينىنى نەقىل قىلىپ جاۋاب بېرىلگەن ياكى نەقىل قىلماي رەددىيە بېرىلگەن نۇرغۇن ئۈلگىلىك مىساللار بار.
3. «قۇرئان كەرىم»گە بۇرۇنقىلارنىڭ سۆز-چۆچەكلىرى ۋە ئەپسانىلىرى بىلەن تاقابىل تۇرۇش ۋە خالايىقنى ئاشۇ ھېكايە-ئەپسانىلەر بىلەن «قۇرئان كەرىم»گە بېرىلىپ كېتىشتىن توسۇش ئىدى. ئېيتىلىشىچە، نەزرى ئىبنى ھارىس بىر قېتىم قۇرەيش جامائەسىگە: «ئى قۇرەيش خەلقى! قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا ئېغىر مۈشكۈلات كەلدى. سىلەر تېخىچە ئۇنىڭ چارىسىنى ئىزدىمەيۋاتىسىلەر. مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ھەممە كىشى رازى بولىدىغان، راستچىل، ئامانەتكە ۋاپا قىلىدىغان بىر ئوبدان يىگىت ئىدى. ھەتتا، ئۇ بېشىغا ئاق سانچىپ ھېلىقى بىر نېمىلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىۋىدى، سىلەر ئۇنى ساھىر دېدىڭلار، ئەزبىرايى خۇدا ئۇ ھەرگىز ساھىر ئەمەس، بىز ساھىرلارنىڭ دەم سالغانلىرىنى ۋە بەنت قىلغانلىرىنى كۆرگەنمىز. يەنە كاھىن دېدىڭلار، قەسەم قىلالايمەنكى، ئۇ ھەرگىز كاھىن ئەمەس، بىز كاھىنلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بوغۇلۇپ سىقىلغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ قاپىيداش سۆز-ئىبارىلىرىنى ئاڭلىغان. ئۇنى شائىرمۇ دېدىڭلار، قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ھەرگىز شائىر ئەمەس. بىز شېئىر تۈرلىرىنىڭ لىرىك، قاپىي ھەممىسىنى بىلىمىز، سىلەر ئۇنى مەجنۇن (ساراڭ) دېدىڭلار، ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئۇ ھەرگىز مەجنۇن ئەمەس، بىز مەجنۇن (ساراڭ)لارنى كۆرگەن. مۇھەممەد مەجنۇنلاردەك بوغۇلۇپ، ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ پوققا پۇرچاقنى ئېلىشتۇرۇپ يۈرمىسە»، ئى قۇرەيش جامائەسى سىلەر بۇ ئىشقا سەل قارىماڭلار، ئەزبىرايى خۇدا سىلەر چوڭ مۈشكۈلگە دۇچ كەلدىڭلار» دېدى.
ئاندىن ئۇ ھىيرەگە بېرىپ، ئۇ يەردە پارىس خان ئوردىسى ھېكايىلىرىنى، رۇستەم ۋە ئىسفەندىيارلارنىڭ جەڭنامىلىرىنى ئۆگىنىپ، يادقا ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ رەسۇلۇللاھ ھەر قانداق بىر جايدا، سورۇن تۈزۈپ كىشىلەرنى ئاللاھ تەرىپىگە چاقىرىپ ياكى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئولتۇرسا، ئارقىدىنلا نەزر ئىبنى ھارىس بېسىپ كېلىپ: «ئەزبىرايى خۇدا، مۇھەممەد تېخى سىلەرگە مەندەك لەزىز گەپلەرنى سۆزلەپ بەرمىدى»، دەيتتى، ئاندىن ئۇلارغا پارىس خان ئوردىسىنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى، رۇستەم دەستەم ۋە ئىسفەندىيارلارنىڭ جەڭنامە، ئەپسانىلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئاندىن ئۇ: «مۇھەممەدنىڭ دېگەنلىرى بۇنىڭ ئالدىدا قانچىلىك قىزىقارلىق- ھە؟»، دەپ مەغرۇرلىنىپ كېتەتتى.
ئىبنى ئابباستىن نەقىل قىلىنغان بىر ھەدىستە زىكرى قىلىنىشىچە، نەزرى ئىبنى ھارىس بىر قانچە ناخشىچى قىز-دېدەكلەرنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇ بىرەر كىشىنىڭ مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام) بىلەن يېقىنلىشىپتۇ، دېگىنىنى ئاڭلىسا، ئاشۇ قىزلاردىن بىرنى چىرايلىق جابدۇپ، ئۇنىڭ كەينىگە سېلىپ قوياتتى. ئۇ قىز ھېلىقى كىشىگە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ بېرىپ، ئۇنىڭدىكى ئىسلامغا بولغان مايىللىق يوقالغانغا قەدەر ھەمراھ بولاتتى. نەزرى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى. ﴿ومن الناس من يّشتري لھو الچديڭ ليگلَّ ىن سبِيل اللھِ بغير ىلم﴾ «بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، …».
4. سودىلىشىش. ئۇلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق مۇشرىكلارمۇ بەزى خۇراپاتلىقلىرىنى تاشلاش، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالاممۇ دەۋەت ماددىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بەدىلىگە ئىسلام دىنى بىلەن كۇفرى جاھالىتىنى تار يولدا ئۇچراشتۇرۇپ، كۆرۈشتۈرمەكچى بولدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ودّوا لوْ تدْھن فيدھنون﴾ «ئۇلار سېنىڭ (ئۆزلىرى بىلەن) مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭمۇ (سەن بىلەن) مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ» («قۇرئان كەرىم» سۈرە قەلەم 9- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). مۇشۇ بارىدا ئىبنى جەرىر بىلەن تەبەرانىي نەقىل قىلغان بىر ھەدىس مۇشرىكلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا، ئۇ بىر يىل مۇشرىكلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلىش، مۇشرىكلارمۇ پەرۋەردىگار تائالاغا بىر يىل ئىبادەت قىلىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيسئنىڭ يەنە بىر ھەدىسى: «مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھقا: ‹سەن بىزنىڭ بۇتىمىزنى بىر قېتىم سۆيۈپ بۆسە قىلساڭ، بىز ساڭا ئەگىشەيلى!» دېگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىبنى ئىسھاق نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بىر كۈنى كەئبىنى تاۋاپ قىلىۋاتاتتى، ئەسۋەد ئىبنى مۇتەللىپ، ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە، ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ۋە ئاس ئىبنى ۋائىل سەھمى قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئالدىنى توستى. (بۇلار ئەل-يۇرت ئىچىدە تەسىرى بار شەخسلەر ئىدى) ۋە: «ئى مۇھەممەد، بۇ ياققا كەلگىن، قارشىلىشىپ ئۆتۈۋەرمەيلى، بىزمۇ سەن ئىبادەت قىلىۋاتقان خۇداغا ئىبادەت قىلايلى، سەنمۇ بىز ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھلىرىمىزغا ئىبادەت قىلغىن، بىز بۇ ئىشتا ئورتاقلىشايلى، ئەگەر سېنىڭ خۇدايىڭ بىزنىڭكىدىن ياخشى چىقىپ قالسا، بىز توغرا يول تاللىغان بولارمىز، ناۋادا بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز سېنىڭكىدىن ياخشى چىقىپ قالسا، سەن توغرا يول تاللىۋالغان بولىسەن»، دېيىشتى. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا بۇلار ھەققىدە تۆۋەندىكى سۈرىنى نازىل قىلدى: ﴿قل يايھا الكافرون ○ لا اىبد ما تىبدون﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، ‹ئى كاپىرلار! ○ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن…». («قۇرئان كەرىم» 109- سۈرە كاپىروننىڭ بىر قىسمى).
ئاللاھ بۇ كاپىرلارنىڭ ئاشۇ كۈلكىلىك يارىشىش تەكلىپىنى يۇقىرىقى ئايەتتىكى كەسكىن بۇيرۇق بىلەن رەت قىلىۋەتتى.
بۇ ھەقتىكى نەقىللارنىڭ ئوخشىماسلىقى ئېھتىمال قۇرەيش دائىرلىرىنىڭ مەزكۇر سودىلىشىش تەكلىپىنى بىر نەچچە قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
دەھشەتلىك ئىزىش-ئىزىلىش
مۇشرىكلار يۇقىرىقى تەدبىر ۋە ۋاسىتىلەرنى نەبۇۋەت (رەسۇلۇللاھقا پەيغەمبەرلىك شەرىپى ئىلتىپات قىلىنغان يىلى)نىڭ 4- يىلى يىل بېشىدا ئىسلام دەۋىتى يوشۇرۇن ھالەتتىن ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتكەندىن كېيىن دەۋەتنى توسۇش ئۈچۈن بىر-بىرلەپ يولغا قويغانىدى. ۋەزىيەت شۇ بويىچە بىر قانچە ھەپتە ھەتتا بىر قانچە ئاي داۋاملاشتى. مۇشرىكلار ئاشۇ ۋاسىتىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ بىرەر ئادەمگە دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈش ياكى ئازابلاپ قىيناش دەرىجىسىگە يەتمىگەنىدى. لېكىن، ئۇلار بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ ئىسلام دەۋىتىنى توسۇشتا ئۆنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قايتا يىغىن چاقىردى. يىغىندا قۇرەيش كاتتىۋاشلىرىدىن 25 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر كومىتېت تەشكىل قىلىندى. رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇ لەھەب بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. يىغىندا كومىتېت ئەزالىرى چوڭقۇر بەس-مۇنازىرە ۋە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا قارىتا قەتئىي، كەسكىن بولۇش توغرىسىدا مۇنداق بىر قارار ماقۇللىدى: «ھەر قايسى قەبىلە-ئايماقلار، ئىسلام دىنىغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىزا-ئاھانەت قىلىشتا ئورتاق كۈچ چىقىرىش، ئىسلام دىنىغا كىرگەن ۋە ئۇنى قوللىغانلارنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئازابلاپ قىيناش، جىسمانىي جازاغا تارتىش، رەھىمدىللىق قىلماسلىق كېرەك» دەپ، كۆرسىتىلدى.
ئۇلار بۇ قارارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇشتى. چۈنكى، بۇ قارارنى ئىجرا قىلىش مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن (بولۇپمۇ ھىماتچىسى يوق ئاجىز مۇسۇلمانلارغا) نىسبەتەن ئوڭاي گەپ ئىدى. ئەمما، رەسۇلۇللاھقىچۇ؟ ئۇ دوست-دۈشمەنلەر ئارىسىدا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە پەۋقۇلئاددە شەخس. ئۇنى ھەممە ئادەم ھۆرمەتلەيدۇ، ئايرىم يۈزسىز كىشىلەردىن باشقا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغانلار بۇنداق نوپۇزلۇق ئەربابلارغا تىل تەگكۈزۈش ۋە ئىزا-ئاھانەت قىلىشنى ئار-نومۇس دەپ بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى تاغىسى ئەبۇ تالىب قانات ئاستىغا ئېلىپ، قاتتىق ھىمايە قىلماقتا. ھالبۇكى، ئەبۇ تالىب ئاتا بوۋىسىدىن تارتىپ چوڭ ئۆتكەن نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ بىرى. مەككە تەۋەسىدە ئۇنىڭ كېپىللىك تەۋەسىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ۋە ھىمات دائىرىسىگە قول ئۇزارتىشقا كىم پېتىنالايدۇ؟! مانا بۇ سوئاللار قۇرەيش دائىرىلىرىنى گاھى ئولتۇرغۇزۇپ، گاھى قوپۇرۇپ، قاتتىق ساراسىمىگە سالدى. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە سىياسىي ئورنىغا ۋە ماددىي مەنپەئەتىگە تاقىلىدىغان بۇنداق چوڭ پايدا- زىيان توقۇنۇشى ئالدىدا چىش لەۋلىرىنى مەھكەم چىشلەپ، سەبرى قاچىلىرىنى چېقىشتى.
رەسۇلۇللاھقا قارىتا ئورۇنسىز چېقىلىپ يولسىزلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ باشلامبېشى يەنىلا (رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى) ئەبۇ لەھەب بولدى. ئۇ قۇرەيش دائىرىلىرى يۇقىرىقى قارارنى چىقىرىپ دەۋەتنى چەكلەشتىن بۇرۇنلا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتكەن تۇنجى كۈنى ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئوچۇق بىلدۈرگەنىدى. ئالدىنقى بابلاردا ئۇنىڭ بەنى ھاشىم جەمەتىنىڭ ئايرىم يىغىلىشىدا ۋە سەپا تېغىدىكى يىغىلىشتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا قوپاللىق بىلەن رەددىيە بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدۇق. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «ئۇ ئاشۇ سەفا تېغىدىكى يىغىلىشتا قولىغا تاش ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى ئۇرماقچى بولغانلىقى زىكرى قىلىنىدۇ».
ئەبۇ لەھەب رەسۇلۇللاھ ئەلەيـھىسسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ئىككى ئوغلى ئۇتبە ۋە ئۇتەيبەلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى رۇقىيە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇملەرنى كېلىن قىلىۋالغانىدى. رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن ئۇ ئىككى ئوغلىغا بېسىم ئىشلىتىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ قىزلىرىنى تالاق قىلغۇزۇۋەتتى.
(پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئىككىنچى ئوغلى) ئابدۇللاھ ئۆلۈپ قېلىۋىدى، ئەبۇ لەھەب خۇش بولغىنىدىن مىيىقىدا كۈلۈپ، مەسلەكداش شېرىكلىرىگە «مۇھەممەدنىڭ نەسلى قۇرىدى»، دەپ خۇشخەۋەر يەتكۈزدى. ئالدىنقى بابلاردا ئەبۇ لەھەبنىڭ ھەج مەۋسۇمى مەزگىلىدە ۋە بازار رەستىلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىنى تەتۈر تالاش ئۈچۈن ئۇنىڭ كەينىدىن سۆرۈلۈپ يۈرگەنلىكىنى بايان قىلغانىدۇق. تارىق ئىبنى ئابدۇللاھ مۇھارىبى ئەبۇ لەھەبنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىنى تەتۈر تالاپلا قالماستىن، بەلكى بەزى دەۋەت سورۇنلىرىدا ھەددىدىن ئېشىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، تاش ئېتىپ، پۇتىنىڭ ئوشۇقلىرىنى قانغا بويۇۋەتكەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ.
ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالى ئۇممۇ جەمىل (تولۇق ئىسمى ئەرۋا ھەرب ئىبنى ئۇمەييىنىڭ قىزى ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەربنىڭ ھەمشىرىسى)مۇ رەسۇلۇللاھقا ئۆچمەنلىك قىلىشتا ئېرىدىن ھەرگىز قېلىشمايدىغان ھازازۇل خوتۇن ئىدى. ئۇ شۇخا-تىكەنلىك شاخلارنى ئالايىتەن يۈدۈپ ئەكىلىپ، كېچىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشىك دەرۋازىلىرىنى چىتلاپ قوياتتى ۋە ئىشىك ئالدى يوللىرىغا چاچاتتى. ئۇ قاتتىق يۈزسىز خوتۇن بولۇپ سەۋەبسىزلا رەسۇلۇللاھقا تىل سالاتتى، يالغان سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، پىتنە-پاسات ئوچىقىغا ئوت ياقاتتى ۋە رەسۇلۇللاھقا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاش كويىدا يۈرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم» بۇ خوتۇننى ﴿… چما لە الْچطب…﴾ «ئوتۇن توشۇغۇچى»، («قۇرئان كەرىم» سۈرە مەسەدنىڭ بىر قىسمى)، يەنى سۇخەنچى دەپ ئەيىبلىدى.
بۇ ئايال «قۇرئان كەرىم»دىن ئۆزى ۋە ئېرى توغرۇلۇق نازىل بولغان ئايەتلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھنى ئىزلەپ كەلدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ بەيتۇلھەرەمدە كەئبىنىڭ يېنىدا ئەبۇ بەكرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇۋاتاتتى. ئۇ (خوتۇن)نىڭ قولىدا بىر چاڭگال شېغىل تاشمۇ بار ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكرى ئولتۇرغان يەرگە كەلگەن ھامان ئاللاھ ئۇنىڭ كۆزىنى رەسۇلۇللاھتىن بەنت قىلىۋەتتى چېغى، ئۇ ئەبۇ بەكرىدىن ئۆزگىنى كۆرەلمىدى، شۇڭا ئۇ: «ئى ئەبۇ بەكرى! بايامقى ھەمرىيىڭ قېنى؟ ئۇ مېنى ھەجۋى قىلىپتىكەنمىش، ئەزبىرايى خۇدا، مەن ئۇنى مۇشۇ پېتى تاپالىسام، مۇشۇ تاش بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزىنى يېرىۋېتەتتىم، بىلەمسەن، مەنمۇ شائىرەغۇ؟» دېدى. ئاندىن ئۇ تۆۋەندىكى:
مۇزەممەمگە ئاسىيمىز، ئىشلىرىغا قارشىمىز،
ئۆزىنى خار، دىنىنى ئۆچ كۆرەرمىز.
دېگەندەك قوشىقىنى ئوقۇۋېتىپ كېتىپ قالدى. بۇ چاغدا ئەبۇ بەكرى: «ئى رەسۇلۇللاھ ئۇ خوتۇن سېنى كۆرمىدىمۇ قانداق؟» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «راست، ئۇ مېنى كۆرەلمىدى، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆزىنى مەندىن بەنت قىلىۋەتتى»، دېدى.
ئەبۇ بەكرى بەززارىمۇ بۇ قىسسىنى رىۋايەت قىلدى. ئۇنىڭدا: «ئۇممۇ جەمىل ئەبۇ بەكرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ‹ئى ئەبۇ بەكرى، سېنىڭ ھېلىقى ئادىمىڭ بىزنى ھەجۋى قىلىپ سۆز توقۇپتۇ›، دېگەن. ئەبۇ بەكرى: ‹ياق، مۇشۇ بىنا (كەئبە)نىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنداق ئىش يوق، ئۇ ھەجۋى قىلىپ شېئىر توقۇمايدۇ، ھەتتا شېئىر دېگەنلەرنى ئېغىزغا ئالمايدۇ›، دېگەن ئۇممى جەمىل ‹سەنغۇ راست ئېيتىسەن›، دېگەچ قايتىپ قالغان»، دېيىلىدۇ.
ئەبۇ لەھەب رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆز تاغىسى ۋە تام ئېلىشما قوشنىسى تۇرۇقلۇق يات قوشنىلىرىغا ئوخشاشلا ئەنە شۇنداق ئەزىيەتلەرنى قىلاتتى.
ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھتىن قۇسۇر ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۆيىگىچە باستۇرۇپ كىرىپ، ئورۇنسىز جېدەل تېرىپ ئەزىيەت قىلىدىغانلاردىن ئەبۇ لەھەب، ھەكەم ئىبنى ئەبۇلئاس، ئۇقبە ئىبنى ئەبى مۇئەيت، ئەدىي ئىبنى ھەمرائۇسەقەفى ۋە ئىبنى ئەسدائۇلھۇزەلى قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ يېقىن قوشنىلىرى بولۇپ، ھەكەم ئىبنى ئەبۇلئاستىن باشقىلىرى ئىسلامغا مۇشەررەف بولالمىغان. ئۇلارنىڭ بىرى رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇۋاتقاندا، قوينىڭ ھەمرىيىنى ئەكېلىپ ئۇنىڭ دولىسىغا ئارتىپ قويسا، يەنە بىرى ھېلىقى مەينەتنى ئۇنىڭ قايناۋاتقان قازىنىغا تاشلاپ قوياتتى. ئاخىرى بولالماي رەسۇلۇللاھ پەخەسرەك ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئايرىم ھۇجرا تەسىس قىلىشقا مەجبۇر بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇلار تاشلىغان ھېلىقى مەينەتنى تاياققا ئىلىپ، ئىشىك تۈۋىگە ئاچىقىپ: ‹ئى ئابدۇماناف جەمەتى! مۇشۇمۇ قوشنىدارچىلىقمۇ؟› دەيتتى ۋە يىراققا ئېتىۋېتىپ كىرىپ كېتەتتى».
ئۇقبە ئىبنى مۇئەيت شاقاۋەت ۋە بەدبەختلىكتە ئىنتايىن ھەددىدىن ئاشقان مەلئۇن ئىدى. ئىمام بۇخارى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن نەقىل قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بىر كۈنى بەيتۇللاھنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇۋاتاتتى. ئەبۇ جەھىل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىر چەتتە ئولتۇرۇقلۇق ئىدى. توساتتىن ئۇلارنىڭ بىرى: ‹قايسىڭلار بېرىپ پالانىنىڭ تۆگىسىنىڭ يىنىنى ئېلىپ كېلىپ، مۇھەممەد سەجدىگە بارغاندا، ئۇنىڭ گەجگىسىگە تاشلاپ قويالايدۇ؟›، دېگەن گەپنى چىقاردى. بۇ چاغدا قەۋمنىڭ ئەڭ شەقىي، بەدبېخى (ئۇ ئۇقبە ئىبنى ئەبى مۇئەيت ئىدى) ئورنىدىن تۇرۇپ، ھېلىقى يىننى راستلا سۆرەپ كېلىپ قاراپ تۇردى. رەسۇلۇللاھ سەجىدىگە بېرىۋىدى، ئۇ يىننى رەسۇلۇللاھنىڭ دۈمبىسىدىن غول تەرىپىگە ئارتىپ قويدى. مەن بۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرغان بولساممۇ، توسۇشقا چامىم يەتمەيتتى. كاشكى، چەكسىز كۈچ-قۇدرىتىم بولسىچۇ؟ دەپ قالدىم. ئۇلار كۈلۈشۈپ، قورساقلىرىنى تۇتۇشۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە يېقىلىپ كېتىشتى. (يەنى ئۇلار كۆپ كۈلگىنىدىن ھەممىسى ئۆز خۇدىنى يوقۇتۇشۇپ، بىر-بىرىگە يۆلىنىپ قېلىشتى) ھەتتا، بىر چاغدا فاتىمە كېلىپ، ئۇنى ئېلىۋەتكەنگە قەدەر رەسۇلۇللاھ بېشىنى كۆتۈرەلمەي سەجدىدە يېتىپ قالدى. فاتىمە كېلىپ ھېلىقى، ئۆپكە-شاللاق، قېرىن-پوقلارنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن رەسۇلۇللاھ بېشىنى كۆتۈرەلىدى ۋە ‹ئى ئاللاھ! قۇرەيشنى تۇتقىن›، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. بۇ دۇئا ئۇلارنى جىمىقتۇرۋەتتى. چۈنكى، ئۇلار بۇ جايلاردا قىلىنغان دۇئالار ئىجابەتلىك، دەپ بىلەتتى. ئارقىدىنلا رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ئىسىملىكىنى بىر-بىرلەپ ئاتاپ: ‹ئى ئاللاھ! ئەبۇ جەھىلنى تۇتقىن، ئۇتبە ئىبنى رەبىئەنى تۇتقىن، شەيبە ئىبنى رەبىئەنى تۇتقىن، ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرەنى تۇتقىن، ئۇمەييە ئىبنى خەلەفنى تۇتقىن، ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيتنى تۇتقىن›، دەپ دۇئا قىلدى. (رەسۇلۇللاھ يەتتە كىشنى ساناپ تىلغا ئالغانىدى. ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى يەتتىنچىسىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ)، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن رەسۇلۇللاھ تىلغا ئالغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، بەدرى قۇدۇقىغا تۆپە-تۆپىلەپ تاشلىنىپ، كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم».
ئۇمەييە ئىبنى خەلەف رەسۇلۇللاھنى كۆرسىلا مازاق قىلىپ، كۆز قىساتتى ۋە مەسخىرە قىلاتتى. بۇنىڭ ھەققىدە ﴿ويل لكلّ ھمزە لِمزە﴾ «(كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي…» 104- سۈرە) دېگەن ئايەت نازىل بولدى.
مەزكۇر ئۇمەييىنىڭ قېرىندىشى ئۇبەي ئىبنى خەلەف ۋە ئۇقبە ئىبنى ئەبى مۇئەيتلەر بەئەينى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى ئىدى. بىر قېتىم ئۇقبە رەسۇلۇللاھنىڭ مەجلىسىدە قېلىپ، ئۇنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇپ قالدى. بۇنى ئۇبەي ئۇققاندىن كېيىن ئۇقبەگە قاتتىق تاپا-تەنە قىلىپ ئاچچىقلاندى ۋە ئۇنىڭدىن مۇھەممەدنىڭ يۈزىگە مىشقىرىپ، تۈكۈرمىگىچە ئەپ ئۆتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇقبە ئۇبەينىڭ دېگىنىدەك قىلدى. مۇشۇ بەدبەخ يەنە بىر كۈنى چىرىپ كەتكەن كونا بىر ئۇستىخاننى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۇۋاپ، شامال يۆنىلىشىگە قارىتىپ رەسۇللاھقا چاچتى .
ئەخنەس ئىبنى شۇرەيقمۇ رەسۇلۇللاھقا ئورۇنسىز چېقىلىپ، ئەزىيەت قىلىدىغانلاردىن ئىدى. «قۇرئان كەرىم» ئۇنىڭدىكى بارلىق سەلبىي سۈپەتلەرنى تۆۋەندىكى توققۇز سۈپەتكە يىغىنچاقلاپ بايان قىلدى: ﴿ولا تطى كلّ چلّاف مّھيْن ھماز مّشّاء م بنميم مّناىٍ لّلخير مىتد اڭيم ىتلّ م بىد ۇالك زنيم﴾ «قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن» («قۇرئان كەرىم» سۈرە قەلەم 10-، 11-، 12-، 13- ئايەتلەر).
ئەبۇ جەھىل بەزىدە رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ قۇرئان تىلاۋىتىنى ئاڭلاپ كېتەتتى. لېكىن، ئۇنىڭدا ئىمان، ئىتائەت، ئەدەپ-ئەخلاق تەلىم ئېلىش ۋە قىلچە ئەيمىنىش پەيدا بولماستىن، بەلكى رەسۇلۇللاھقا ئاھانەت قىلىپ ئۇنى دەۋەت يولىدىن توساتتى. ھەتتا، ئۇ ھەددىدىن ئېشىپ، جەمئىيەتكە ئۇلۇغۋار بىر تۆھپىنى قوشۇۋاتقاندەك، قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشىدىن مەغرۇرلىنىپ پەخىرلىنەتتى. ئۇنىڭ ھەققىدە ﴿فلا پدّق ولا پلّۈ﴾ «ئۇ (كاپىر) ئىشەنمىدى ۋە ناماز ئوقۇمىدى» («قۇرئان كەرىم» 75- سۈرە 31- ئايەت) دېگەن ئايەت نازىل بولدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەرەمدە ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرگەن كۈنىدىن باشلاپلا، ئۇنى نامازدىن توسۇشقا باشلىغانىدى. بىر قېتىم ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ «ماقامى ئىبراھىم» ئالدىدا ناماز ئوقۇۋاتقان يېرىگە كېلىپ قالدى ۋە «ئى مۇھەممەد! مەن سېنى بۇنداق دومىلاپ يۈرۈشتىن توسمىدىممۇ؟» دېدى. ۋە: «ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيسەن»، دەپ تەھدىت سالدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالاممۇ ئۇنىڭغا بوش كەلمىدى. تېگىشلىك دەككىسىنى بېرىپ گېپىگە گەپ قايتۇرغانىدى. بۇ چاغدا ئۇ: «ئى مۇھەممەد! سەن نېمەڭگە تايىنىپ چوڭ سۆزلەيسەن، بىلەمسەن؟ مەن مۇشۇ تەۋەلىكتىكى سورۇنداشلىرى (قوللىغۇچىلىرى) ئەڭ كۆپ ئادەممەن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ﴿فليدْى ناديە﴾ «ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇندالشىرىنى (ياردەمگە) چاقىرسۇن» («قۇرئان كەرىم» 96- سۈرە 17- ئايەت)، دېگەن ئايەت نازىل بولدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغا: «ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!» دېگەچ ئۇنىڭ پوكىنىدىن سىقىپ يەرگە ئاتتى. بۇ چاغدا خۇدانىڭ دۈشمىنى مەلئۇن ئەبۇ جەھىل: «ئى مۇھەممەد! سەن چېغىڭدا مېنى قورقىتىمەن دەمسەن؟ ئەزبىرايى خۇدا، سەن ۋە سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مېنى ھېچ نېمە قىلالمايسىلەر، مەن مۇشۇ ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئادەمدۇرمەن»، دەپ كۆرەڭلەپ كەتتى.
بۇ ئەبلەخ يەنە ھېلىقى قېتىم دەككىسىنى يېگەندىن كېيىن مۇغەمبەرلىك، مەستلىكتىن ھۇشىغا كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشتى. ئىمام مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر كۈنى ئەبۇ جەھىل نۇتۇق سۆزلەپ: ‹مۇھەممەد كۆز ئالدىمىزدا يەرگە ئۈسۈپ، يۈزىنى توپىغا پۇچۇلاپ يۈرىدۇ، شۇنداقمۇ؟› دېدى. سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغانلار: ‹شۇنداق›، دېۋىدى، ئۇ: ‹لات-ئۇززا (بۇتلارنىڭ نامى —ت) بىلەن قەسەمكى، ئەمدى ئۇنىڭ شۇنداق يوچۇن ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىنى كۆرسەم ئۇنىڭ گەجگىسىگە راسا دەسسەپ، ئۇنىڭ يۈزىنى توپىغا ئوبدانراق مىلەپ قويىمەن›، دېدى-دە، ئۇدۇل رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇۋاتاتتى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ گەجگىسىگە يانچىماقچى بولۇپ كەلدى. كۆپچىلىك قارىشىپ تۇراتتى. ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن بىر نەرسىنى بوشىتىپ، كەينىگە قايتقانلىقى ئۇلارنى ھاڭتاڭ قالدۇردى. بىر قانچە كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹ئى ئەبۇلھەكەم (ئەبۇ جەھىلنىڭ كونىيتى) نېمە بولدۇڭ؟› دەپ سوراشقانىدى. ئەبۇ جەھىل راسا ئۇلۇغ- كىچىك بىر تىنىۋېلىپ: ‹مۇھەممەد بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامغا يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرغان بىر خەندەك پەيدا بولدى. مانا بۇلار ئوتنڭ ئۇچقۇنلىرى›، دېدى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: ‹ئەگەر ئەبۇ جەھىل ماڭا يېقىنلاپ كەلگەن بولسا، پەرىشتىلەر ئۇنى تىتما-تىتما قىلىپ پارچىلىۋېتەتتى›، دېگەن».
مۆھتەرەم كىتابخان! مان بۇ ناھەق ئەزىيەت كۈلپەتلەر ۋە ئېغىر ھاقارەت، ئورۇنسىز چېقىلىش ۋە دىل ئازار بېرىش قىلمىشلىرى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مەككە جەمئىيتىدىكى يۇقىرى تۆۋەن ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدە ئىززەت ۋە ھۆرمەت سۇپىسىدىن ئورۇن ئالغان، مەككە ئاقساقاللىرى ئىچىدە تەسىرى ئەڭ زور ۋە ئەڭ ئابرۇيلۇق شەخس، ئەبۇ تالپىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تۇرۇقلۇق تارتقان ئەزىيەت كۈلپەتلەردۇر.
ئەمما، مۇسۇلمانلار (بولۇپمۇ ئىگە چاقىسىز ئاجىز) ھىماتچىسى يوقلارغا نىسبەتەن مەزكۇر قارارنىڭ ئىجراسى تېخىمۇ ئېغىر ھەم ئېچىنىشلىق بولغان.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا ھەر تەرەپتىن بېسىم ۋە ئىزا-ئاھانەتلەر يېغىۋاتقان شۇ كۈنلەردە ھەر بىر قەبىلە ئۆز تەۋەسىدىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن ياكى مايىل بولغانلارنى سەزگەن ھامان تۈرلۈك قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن قىيناپ جازا يۈرگۈزدى. قەبىلە تەۋەلىكى بولمىغانلارنى جەمئىيەت داشقاللىرى ۋە قۇلدار خوجايىنلار ئۆزلىرى خالىغانچە جازالاپ، قىيىن-قىستاققا ئالدى، بۇنداق ۋەھشىيانە ئېچىنىشلىق جەريانلار نى-نى تاش يۈرەك ئادەملەرنىمۇ ئېچىندۇرىدۇ ۋە تېنىنى شۈركەندۈرىدۇ.
ئەبۇ جەھىل ئۆز تەۋەسىدە نوپۇزلۇقراق ياكى ھىماتچىلىرى كۈچلۈكرەك كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىنى ئاڭلىسا، بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرەتتى ياكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە زور زىيان يېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇراتتى. ناۋادا جەمئىيەتتە ئورنى يوق، ئاجىز كىشى مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭغا كەلگىنىچە قول سېلىپ ئۇراتتى ۋە باشقىلارنى ئۇلارنى ئازابلاشقا كۈشكۈرتەتتى.
ئوسمان ئىبنى ئەففاننى ئۇنىڭ تاغىسى خورما شاخلىرىدىن ياسالغان چىغ پالازغا يۆگەپ ئاستىدىن ئىس قويۇپ بېرىپ ئازابلىدى.
مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا نان بەرمەي نەچچە كۈن ئاچ قويدى ۋە ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ سەرگەردانلىق يولىغا ھەيدىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاچلىق ۋە دالا تۇرمۇشىنىڭ دەستىدىن، يىلان تېرە تاشلىغاندەك بىر قات تېرىسىنى تاشلىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئائىلىسى خېلى يۇقىرى ھاللىق ئائىلە ئىدى.
بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئەسلىدە ئۇمەييە ئىبنى خەلەفنىڭ قۇلى ئىدى. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۇمەييە ئۇنىڭ بوينىغا ئارغامچا سېلىپ باغلاپ، كىچىك گۆدەك بالىلارغا تۇتۇپ بەردى. كىچىك كەپسىز بالىلار بىلالنى مەككىنىڭ تاغلىرىدا سۆرەپ يۈرۈپ بويۇنلىرىنى زىدە قىلىپ قانىتىۋېتەتتى. كەچلىكى بالىلار زېرىكىپ قايتىپ كەلسە، ئۇنى مەھكەم باغلىۋېتىپ ئۆزى ھارغىچە ئۇراتتى. بەزىدە كۈننىڭ ئاپتاپ تومۇزىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئاپتاپقا قاقلاپ قىينىسا، يەنە بەزىدە قورسىقىغا نان بەرمەي، «ئىماندىن يانساڭ، نان يەيسەن»، دەپ تۇرۇۋالاتتى. ئۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، ئۇ ھەر كۈنى كۈن راسا قىزىغاندا، بىلالنى باغلاپ، مەككىنىڭ سېيىغا ئاچىقىپ، ياتقۇزۇپ مەيدىسىگە قاتتىق قىزىغان قورام تاشلارنى ئېلىپ قويۇپ: «ئەزبىرايى خۇدا، سەن بۈگۈن ياكى مۇھەممەدنى ئىنكار قىلىپ، لات-ماناتقا باش قويىسەن ياكى مۇشۇ پېتىڭ ئۆلىسەن»، دەيتتى. بىلال مۇشۇنداق ئېغىر ئازاب ئىچىدە: «ئەھەد، (بىر) ئاللاھ بىر»، دەپ تۇراتتى. بىلال شۇنداق ئازاب چېكىۋاتقان ھالەتلەرنىڭ بىرىدە ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئوبدان خىزمىتىنى قىلىۋاتقان بىر قارا قۇلغا تېگىشىپ ئازاد قىلىۋەتتى. ئەبۇ بەكرى بىلالنى يەتتە ئۇقىيە ياكى بەش سەر كۈمۈش تەڭگىنى نەخ ساناپ بېرىپ سېتىۋېلىپ، ئازاد قىلىۋەتكەن» دېگەن سۆزمۇ بار.
ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بەنى مەخزۇم جەمەتىدە بىر كىشىنىڭ ئازاتگەردىسى (سېتۋېلىپ ئازات قىلىۋەتكەن قۇلى) بولۇپ، ئەممار، ئەممارنىڭ ئاتىسى ۋە ئانىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولغانىدى. مۇشرىكلار (بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كاتتىۋېشى ئەبۇ جەھىل) بۇ ئۈچ كىشىنى مەككىنىڭ سىرتىدىكى تاشلىققا ھەيدەپ ئېلىپ چىقىپ، ساينىڭ تاشلىرى راسا قىزىغاندا، يالىڭاچلاپ تاشقا ياتقۇزۇپ ئازابلاشقا باشلىدى ۋە قىزىغان تاشلارنى ئەكېلىپ ئۇلارنىڭ تۆپىسىگە دۆۋىلەپ قويدى. ئۇلار مۇشۇنداق ئازابلىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىنىڭ بىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «سەۋرى قىلىڭلار، ياسىر ئائىلىسى! جەننەت سىلەرنى كۈتمەكتە»، دېدى. راست دېگەندەك ياسىر ئاشۇ ئازاب ئىچىدە ئۆلۈپ كەتتى. قىيناپ ئۆلتۈرۈشتە جېنى چىقماي قالغان سۇمەييە (ئەممارنىڭ ئانىسى)نىڭ ئەۋرىتىگە ئەبۇ جەھىل نەيزە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى شەھىدە (ئايال شېھىد) ھېسابلىنىدۇ. مۇشرىكلار ئەممارنى بىر دەم ئاپتاپقا سېلىپ كۈن نۇرىدا قىزىغان تاشلارنى ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويۇپ ئازابلىسا، يەنە بىر دەم سۇغا پىشىپ دېمىقتۇرۇپ ئازابلايتتى. بىر قېتىم ئۇلار: «بۈگۈن بىز سېنى ياكى مۇھەممەدنى تىللاپ ئەيىبلىمىگۈچە ياكى لات، ئۇززا ھەققىدە مەدھىيە ئوقۇمىغىچە قويۇۋەتمەيمىز، ئۆلتۈرۈۋېتىمىز»، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەممار مەجبۇرىي ھالدا رەسۇلۇللاھنى ئەيىبلەشكە قوشۇلدى ۋە ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپلا ئۇدۇل رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا يىغلىغان پېتى ئۆزرە ئېيتىپ كەلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ﴿من كفر باللّھ من بىد اِيمانھ اِلا من اكرھ و قلبھ مطمېن بالايمان﴾ «كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنۋالسا، (قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ، مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىمانىدىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەستا،) كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارى يۇسۇندا مۇرتەد بولسا) ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ». (سۈرە نەھل106 - ئايەت).
ئەبۇ فۇكەيھە (تولۇق ئىسمى ئەفلەھ) ئابدۇددار جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئازادگەردىسى ئىدى. ئۇلار ئەفلەھنى پۇتىدىن باغلاپ ئاتقا سۆرىتىپ ئازابلايتتى.
خەبباب ئىبنى ئەرەت ئۇممى ئەنمار بىنتى سىبائ خۇزائىنىڭ قۇلى ئىدى. مۇشرىكلار ئۇنى تۈرلۈك قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئازابلايتتى. ئۇلار خەببابنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ، سۆرەيتتى ۋە ئالدى-كەينىگە ئىتتىرىپ دۈشكەللەپ قىينايتتى. ئۇنى نەچچە قېتىم قىزىق قوقاسقا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۈستىگە كۆتۈرۈپ قوپالمىغۇدەك ئېغىر تاشلارنى ئارتىپ قويغانىدى.
زەنىيرە، نەھدىيە ۋە ئۇنىڭ قىزى شۇنىڭدەك ئۇممۇ ئەبىيسەلەر مۇسۇلمان بولغان دېدەك-چۆرىلەر ئىدى. مۇشرىكلار ئۇلارغىمۇ ئوخشاشلا ئازاب-ئۇقۇبەتلەرنى ياغدۇرۇپ، قىيىن-قىستاققا ئالدى. بەنى مۇئەممىل جەمەتى (ئۇلار بەنى ئەدىي قەبىلىسىنىڭ بىر ئايمىقى)دىن بىر دېدەك مۇسۇلمان بولغانىدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئۇ بۇ ۋاقىتتا تېخى مۇسۇلمان بولمىغان ئىدى) ئۇنى ئۇرۇپ، ھارغاندا ئاندىن قويىۋەتتى ۋە: «ھېرىپ قالمىغان بولسام، يەنە ئۇراتتىم»، دېدى.
ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بىلال ۋە ئامىر ئىبنى فۇھەيرەلەرنى سېتىۋېلىپ، ئازات قىلىۋەتكىنىدەك، مەزكۇر چۆرە-قىزلارنىمۇ سېتىۋېلىپ، ئازاد قىلىۋەتتى. مۇشرىكلار بەزى ساھابىلەرنى تۆگە تېرىسى ۋە كالا تېرىسىگە يۆگەپ كۈننىڭ قىزىقىغا تاشلاپ قوياتتى ۋە بەزىلىرىگە تۆمۈر ساۋۇتلارنى كىيگۈزۈپ، پاژ-پاژ قىزىغان تاشلار ئۈستىدە ياتقۇزۇپ قىينايتتى.
خۇدا يولىدا ئازابلانغانلارنىڭ سانى كۆپ، ئەھۋالى ئېچىنىشلىق. چۈنكى، مۇشرىكلار كىمنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇقسا، ئۇنى تۇتۇپ جازاغا تارتاتتى ۋە ئەزىيەت، كۈلپەت يەتكۈزەتتى.
ئەرقەم قورۇسىدا چاقنىغان مەشئەل
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ بۇ قاتمۇ-قات زۇلۇم-سىتەملەر ئالدىدا مۇسۇلمانلارنى سۆز ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاشكارىلاشتىن توسۇشى ۋە ئۇلار بىلەن مەخپىي رەۋىشتە ئۇچرىشىشى ئىنتايىن دانا تەدبىر بولغانىدى. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ئۇلار بىلەن ئاشكارا «باردى-كەلدى» قىلىپ يۈرگەندە مۇشرىكلار ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا «قۇرئان كەرىم»نى ئۆگۈتۈپ، دىنىي سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ نەپسىنى پاكلاش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلاتتى. ھەتتا ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. نەبۇۋەتنىڭ (پەيغەمبەرلىك نازىل بولغان يىل)نىڭ 4- يىلى ئەنە شۇنداق ئەھۋاللار ھەقىقەتەن يۈز بەردى. «ساھابىلار تاغ-جىرالارغا يىغىلىپ، مۇشرىكلارنىڭ كۆزىدىن يىراق يەرلەردە ناماز ئوقۇيتتى. بىر كۈنى قۇرەيش كاپىرلىرىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ئۇلارنى كۆرۈپ قېلىپ، قاتتىق ھاقارەتلىدى ۋە مۇشت كۆتۈرۈپ ئۇرۇشتى. ئۇرۇش-تالاش جەريانىدا سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇشرىكلاردىن بىر كىشىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ قويدى. شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئاققان قان ئىسلام تارىخىدا قارشى تەرەپتىن تۆكۈلگەن تۇنجى قان ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى، ناۋادا بۇنداق توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلار كۆپ قېتىم يۈز بەرسە ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلسا، مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى قاتتىق باستۇرۇشى ۋە تەلتۆكۈس يوقىتىپ، قەتلى ئام قىلىۋېتىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى. شۇڭا، يوشۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ھەر ھالدا دانالىق بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن ساھابىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامى ئىبادىتىنى، دۇئا-تىلاۋەتلىرىنى ۋە يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى مەخپىي تۇتاتتى. ئەمما، رەسۇلۇللاھچۇ؟ ئۇ مۇشرىكلار يىغىلغان سورۇنلاردا ئاشكارا دەۋەت ئېلىپ بېرىۋېرەتتى ۋە ئاشكارا ئىبادەت قىلىۋېرەتتى. ئۇنى بۇ ئىشىدىن ھېچكىم توسالمايتتى. لېكىن، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە ئىسلام دىنىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاشۇ مۇسۇلمانلار بىلەن ئىنتايىن مەخپىي رەۋىشتە ئۇچرىشاتتى. ئەرقەم ئىبنى ئەبىلئەرقەم مەخزۇمىينىڭ قورۇسى، سەپا تېغىنىڭ كەينىگە جايلاشقان بولۇپ، زالىم جاللاتلارنىڭ كۆزىدىن ۋە ئۇلارنىڭ يىغىلىش سورۇنلىرىدىن بىر قەدەر يىراق ئىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ بۇ يەرنى بىئسەت (يەنى پەيغەمبەرلىك نازىل بولغان يىلى)نىڭ 5- يىلىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ دەۋەت بازىسى ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچرىشىش مەركىزى قىلدى.
ھەبەشىستانغا قىلىنغان تۇنجى ھىجرەت
مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى ناھەق جازالاپ قىيناشلىرى بىئسەت (پەيغەمبەرلىك نازىل بولغان يىلى)نىڭ 4- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن كۈندىن كۈنگە، ئايدىن ئايغا تەدرىجىي كۈچىيىپ، 5- يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، رەسمىي چېكىدىن ئاشتى. ۋەزىيەتتە چىداپ تۇرغۇسىز ھالەت شەكىللەندى. ھەتتا مەككىدە تۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلارنى بۇ ئېغىر ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان بىر چارە-تەدبىر تېپىشقا توغرا كەلدى. مانا مۇشۇنداق زۇلۇم قاپلاپ كەتكەن قىيىن بىر پەيتتە مۇشرىكلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا تاشلىغان سوئاللىرىغا جاۋابەن سۈرە كەھف نازىل بولدى. بۇ سۈرە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ قىسسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ قىسسىلەردە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇئمىن بەندىلەرگە چوڭقۇر تەربىيە ۋە چىقىش يولى يوشۇرۇن ئىشارەتلەر بىلەن كۆرسۈتۈپ بېرىلگەن. سۈرىدىكى ئەسھابۇلكەھف قىسسىسى: مۇئمىن ئادەم ئۆز دىنىنىڭ پىتنە-پاساتقا ئۇچرىشىدىن قورقسا، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىپ، كۇفرى ۋە زۇلۇم-سىتەم ئەۋج ئالغان جايلارنى تاشلاپ، ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشكە ئىشارەت قىلىدۇ. ﴿واۇاىتزلتموھم وما يىبدون اِلا اللھ فاوژ اِلۈ الْكھْف ينْشرْ لكمْ ربكم مِنْ رچمتھِ ويھيِې لكمْ مّن امركم مرْفقا﴾ «(ئى يىگىتلەر!) سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، غارنى پانا جاي قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە كەڭ رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ». («قۇرئان كەرىم 18- سۈرە 16- ئايەت) دەيدۇ.
خىزىر (ئەلەيـھىسسالام) بىلەن مۇسا (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ قىسىسى بولسا: جاھاننىڭ رەپتارى ھەرگىز بىر پەلەكتە ئايلانمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ شەرت-شارائىتلىرى ھەمىشە كىشى مۆلچەرلىگەندەك چىقمايدىغانلىقىنى، بەلكى بەزىدە ئىشلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قىسسىدە يەنە ھازىر مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇش ۋە قىيىن قىستاقلار پات ئارىدا تامامەن ئەكسىگە ئۆرۈلۈپ، بۇ زالىم، قانخور مۇشرىكلار (ئەگەر مۇسۇلمان بولۇپ، تەۋبە قىلىۋالمىغان تەقدىردە) ئاشۇ ئازاب چەككەن ۋە خارلانغان ئاجىز مۇسۇلمانلار ئالدىدا قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىغا نازۇك ئىشارەت ۋە بېشارەتلەر بېرىلگەن.
زۇلقەرنەين قىسسىسى ، زېمىن ئاللاھنىڭ زېمىنى، ئۇنى ئاللاھ ئۆزى خالىغان بەندىلەرگە ئىلتىپات قىلىدۇ، نىجاتلىق ۋە ئاقىۋەتنىڭ خەيرلىك بولۇشى كۇفرىنىڭ تويۇق كوچىسىدا ئەمەس، بەلكى ئىمان-ئىسلامنىڭ داغدام يولىدا تېپىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرى ئىچىدىن ھەر قايسى دەۋرنىڭ يەئجۇجى ۋە مەئجۇجىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنىدىن شۇ دەۋرنىڭ ئاجىز بىچارىلىرىنى قۇتقۇزىدىغان ھەقىقىي جەسۇر، مەرد، مۇئمىنى كامىللارنى (پات-پات) مەيدانغا كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئاللاھنىڭ سالىھ (مۇئمىنى كامىل تەقۋادار) بەندىلىرى لايىقتۇر، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. سۈرە كەھفىنىڭ ئارقىسىدىنلا ھىجرەت قىلىشقا ئىشارەت بېرىپ ۋە ئاللاھنىڭ زېمىنىنىڭ تار ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرۇپ سۈرە زۇمەر نازىل بولدى. ﴿لِلّۇين اچسنوا في ھۇھ الدنيا چسنە ط وارگ اللھِ واسىە ط انما يوفّۈ الپّابروْن اجرھمْ بغير چساب﴾ « … بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار)، پەقەت سەبرى قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە زۇمەر 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ھەبەشىستان پادىشاھى ئەسھەمەتۇننەجاشىنىڭ ئادىل پادىشاھ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە ھەر قانداق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى بوزەك قىلىنمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. شۇڭا، ئۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆز دىنىنى پىتنە-پاسات، زۇلۇم ۋە بېسىمىدىن خالىي ساقلاش ئۈچۈن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىدى.
بىئسەنتنىڭ 5- يىلى رەجەپ (7- ئاي) ئېيىدا 12 نەپەر ئەر ۋە تۆت نەپەر ئايالدىن تەركىپ تاپقان تۇنجى بىر تۈركۈم ساھابىلەر ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلدى. ئۇلارغا ئوسمان ئىبنى ئەففان مەسئۇل بولدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئايالى رۇقىيە (رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى) بىرگە ھىجرەت قىلغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ ئىككىيلەن ھەققىدە: «بۇ ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام ۋە لۇت ئەلەيـھىسسالامدىن قالسا، تۇنجى قېتىم خۇدا يولىدا ھىجرەت قىلغان بىر ئائىلىلىك كىشىلەردۇر»، دېدى.
بۇلار قۇرەيشلەرگە تۇيدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن تۈن نىسپىدە شەپە چىقارماي سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىپ قىزىل دېڭىز بويىدىكى بىر خەلق پورتىغا يېتىپ باردى. ئاللاھنىڭ تەقدىرى شۇنداق بولسا كېرەك، بۇ مۇھاجىرلارغا ئىككى دانە تىجارەت كېمىسى ئۇچراپ قېلىپ، ئۇلارنى ھەبەشىستانغا ئۆتكۈزۈپ قويدى. مۇھاجىرلار ئويلىغىنىدەك قۇرەيش دائىرىلىرى ئەھۋالنى ئۇقۇپ قېلىپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىقتى. لېكىن، ئۇلار دېڭىز بويىغا بارغاندا، مۇھاجىرلار ئاللىقاچان دېڭىز ساھىلىدىن ئايرىلىپ بولغانىدى. مۇسۇلمانلار ھەبەشىستاندا ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋېلىندى ۋە بىر ئوبدان تۇرۇپ قالدى.
شۇ يىلى رامىزان ئېيىدا مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەردى. رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى ھەرەمگە چىققانىدى. بۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ، سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭ-چوڭ ئەربابلار ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىمۇ بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئوتتۇرىغا چىقىپلا، سۈرە نەجمىنى تىلاۋەت قىلىشقا باشلىدى. مۇشرىكلار: ﴿لا تسمىوْا لھۇا القرژن والغوا فيھ لىلكم تغلبون﴾ « بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرىۋېتىڭلار، سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» (قۇرئان كەرىم سۈرە فۇسسىلەت ، 26- ئايەت) دېگەن نەزەرىيىسى بويىچە ئۇلار ئۆزئارا پۈتۈشۈۋالغان ئەھدىلىرىگە ئاساسەن بۇنىڭ ئالدىدا بۇ قۇرئاننى زەڭ سېلىپ تىڭشاپ باقمىغانىدى. بۇ قېتىم رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت بۇ سۈرىنى ئوقۇپ بېرىۋىدى، (تىل گۈزەللىكى ۋە شېرىن زابانلىقىنى تەسۋىرلەپ بولمايدىغان) كۈچلۈك جەزبىدارلىققا ئىگە بۇ ئىلاھىي كالام ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدىن بىئىختىيار ھالدا كىرىپ، دىل تارىلىرىنى چەكتى چېغى، ئۇلار ئۆزلىرىچە خۇدىنى يوقىتىپ، بۇ مۇڭلۇق تىلاۋەتكە قۇلاق سېلىپ داڭ قېتىپ قېلىشتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە قۇرئان مەزمۇنىدىن باشقا ھېچنەرسە كىرمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى ﴿فۆسْجدو للھِ وَاىبدوا﴾ «ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئىبادەت قىلىڭلار»، دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلىپ بولۇپلا، سەجدىگە باش قويۇۋىدى، ھەممەيلەن رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ ئىختىيارسىز ھالدا سەجدىگە كېتىشتى.
ئەسلىدە بۇلارنىڭ ئىختىيارسىز سەجىدىگە كېتىشى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ھەقىقەت كۈچىنىڭ ھاكاۋۇر، مەسخىرىچى، خۇمسىيلارنىڭ كۆڭلىدىكى بۇيۇنتاۋلىق تۇغانىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بىئىختىيار ھالدا سەجدىگە كېتىشكەنىدى.
كېيىن، ئۇلار ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بويۇن چۇلۋۇرىنى تارتىپ بويسۇندۇرغانلىقىنى، نەتىجىدە ئۆزلىرى يوقاتماقچى بولۇپ ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقان ئىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا قىلىپ سالغانلىقىنى سېزىشىپ، قوللىرىنى چىشلەشتى ھەمدە ئۇلارغا سورۇنغا ھازىرلىق قىلمىغانلار تەرىپىدىن قاتمۇ-قات تاپا-مالامەتلەر ياغدى. بۇ چاغدا ئۇلار رەسۇلۇللاھقا تۆھمەت چاپلاپ: «رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بۇتلىرىمىزغا مۇئەييەن دەرىجىدە ئورۇن بېرىشكە قوشۇلدى ۋە ئاشۇ بۇتلار ھەققىدە «ئاشۇ بۇتلار ئۇلۇغ پەرىشتىلەردۇر، ئۇلارنىڭ شاپائىتى چوقۇم ئۈمىد قىلىنىدۇ»، دېدى، دېگەندەك بىر نېمىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئۇلار بۇ قاپ-قارا تۆھمەتنى ئۆزلىرىنىڭ ھېلىقى سورۇندا رەسۇلۇللاھ بىلەن سەجدىگە باش قويۇپ سالغانلىقىنى ئاقلاش يۈزىسىدىن ئويدۇرۇپ چىققانىدى.
ئەمەلىيەتتە يوچۇق تاپسىلا يالغاننى توقۇپ، ھىيلە-نەيرەڭ ئوينىتىپ، تۆھمەت چاپلاشقا ئادەتلەنگەن بىر قەۋم ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنداق ئەھۋاللارنى ھەرگىز يات سانىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
بۇ خەۋەر ھەبەشىستان مۇھاجىرلىرىغا ئاڭلاندى. لېكىن، ئۇ دەل ئەكسىچە: «قۇرەيشلەر بىر پۈتۈن مۇسۇلمان بولۇپ كېتىپتۇ»، دېگەن مەزمۇندا ئاڭلانغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەبەشىستاندىكى مۇھاجىرلار مۇشۇ يىلى شەۋۋال ئېيى (10- ئاي)دا مەككىگە قايتىپ كەلدى. ئۇلار مەككىگە كىرگىلى بىرەر سائەتلىك يول قالغاندا، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇقۇپ، كەينىگە ئۆرۈلگىنىچە ھەبەشىستانغا قايتتى. ئاز بىر قىسمى يوشۇرۇن ھالەتتە ياكى قۇرەيشلەردىن بىرەر كىشىنىڭ ھىمايىسىدە ئاندىن مەككىگە كىرەلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن قۇرەيشلەرنىڭ ھەبەشىستاندىن قايتىپ كەلگەنلەرگە ياكى مەككىدە مۇقىم تۇرغانلارغا بولسۇن جازا يۈرگۈزۈپ، قىيىن قىستاققا ئېلىشى تېخىمۇ ئەشەددىيلىشىپ كەتتى ۋە ھەر قايسى قەبىلە، ئايماقلار ئۆز تەۋەسىدىن مۇسۇلمان بولغانلارنى ئىسكەنجىگە ئالدى. ئەسلىدە، ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىنىڭ مۇسۇلمان مۇھاجىرلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى قۇرەيش دائىرىلىرىغا قاتتىق ئەلەم قىلغانىدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە ھەبەشىستانغا قايتا ھىجرەت قىلىشتىن باشقا چارە يوقلۇقىنى ئېيتتى. لېكىن، بۇ قېتىمقى ھىجرەت ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئوڭايغا توختىمىدى. «قۇرەيش دائىرىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرەت پىلانىنى سېزىپ قېلىپ، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلىشقانىدى. بىراق مۇسۇلمانلارمۇ بوش كەلمەي چاپسان تەييارلىنىپ، ئۆز يولىغا راۋان بولۇشتى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ سەپىرىنى ئاسان قىلىشى بىلەن ھېچبىر تۇسالغۇسىز ھەبەشىستانغا يېتىپ بېرىۋېلىشتى.
بۇ قېتىمدا ئەرلەردىن 83 كىشى (ئەممار ئىبنى ياسىرمۇ شۇلار ئىچىدە بار دېيىلسە، چۈنكى ئۇنىڭ مۇشۇ قېتىم ھىجرەت قىلغانلار ئىچىدە بارلىقى ھەققىدە قاراش ئوخشاش ئەمەس)، ئاياللاردىن 18 ياكى 19 كىشى ھىجرەت قىلدى.
قۇرەيشلەرنىڭ ھەبەشىستاندىكى مۇھاجىرلارغا چاڭ سېلىشى
مۇھاجىر-مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە دىنى ئۈچۈن تىنچ-خاتىرجەم بىر ماكان تېپىۋالغانلىقى مۇشرىك كاپىرلارنىڭ ئوغۇزىنى ئېچىتتى ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئەلەم قىلدى. شۇڭا ئۇلار ئەقىل-پاراسەتلىك، جەسۇر ئىككى يىگىتنى (ئۇلار ئەمرى ئىبنى ئاس ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى رەبىئە بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تېخى مۇسۇلمان بولمىغان چاغلىرى ئىدى) تاللىدى. ئۇلاردىن نەجاشى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىر-ۋۇزورالىرى ۋە دۆلەت ئەركانلىرىغا ناھايىتى ئېسىل سوۋغا-سالاملارنى يوللىدى. ئەلچىلەر ئاۋۋال ۋەزىر ئەركانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سوغا تارتۇقلارنى تاپشۇرۇپ بەردى ھەمدە ئۇلارنى مۇسۇلمانلارنى قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا دەلىل-پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى ۋە ئۇلارنى پادىشاھقا مۇسۇلمانلارنى قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە قايىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككىسى نەجاشىنىڭ سەيناسىدا ھازىرلا يېتىپ كەلگەن قىياپەتتە پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا مەككىدىن ئېلىپ كەلگەن سوغا-سالام ۋە ھەدىيە-تارتۇقلارنى تەقدىم قىلدى. ئاندىن پادىشاھقا سۆز ئېچىپ مۇنداق دېيىشتى: پادىشاھ ئالىيلىرى! سىلىنىڭ دۆلەتلىرىگە بىر قىسىم يامان غەرەزلىك ئادەملەر كېلىۋاپتۇ. ئۇلار ئۆز قەۋمى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى دىننى تاشلىغانلاردۇر. سىلنىڭ دىنلىرىغىمۇ ھەم كىرمەيدۇ. ئۇلار شۇنداق يۇچۇنلا بىر دىننى كۆتۈرۈپ چىقتىكى، ئۇنىڭ تەلىماتىنى بىزمۇ ئۇقمايمىز، سىلىمۇ ئۇقمايلا! بىزنى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، قەبىلە ئاقساقاللىرى ۋە ئەل يۇرت مۆتىۋەرلىرى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئەلۋەتتە، چوڭلار يىراقنى كۆزلەيدۇ ۋە بۇلارنىڭ بىزگە قويغان ئەيىبلىرىنى ۋە چىقىشالمىغان تەرەپلىرىنى ئاشۇلار ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا، بۇلارنى بىز بىلەن قايتۇرۇۋېتىشلىرىنى ئالىي ئېھتىرام بىلەن ئىلتىماس قىلىمىز!».
— شۇنداق پادىشاھ ئالىيلىرى! بۇ پەيداۋايلارنى مۇشۇ ئەلچىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرسىلە، ئۇلارنى ئۆز ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كەتسۇن،— دېدى ۋەزىر-ۋۇزۇرالار بىردەك ئاۋاز بىلەن.
لېكىن، نەجاشى ئېنىقلاپ، ئەتراپلىقراق ئاڭلاپ بېقىش كېرەكلىكىنى زۆرۈر دەپ قارىدى چېغى، مۇسۇلمانلارغا ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلدى. مۇسۇلمانلار مەيدانغا ھازىر قىلىندى. ئۇلار ئۆزئارا پىكىرلىشىپ: «قانداقلا بولمىسۇن، راست گەپ قىلايلى»، دېگەن قارارغا كەلگەنىدى.
نەجاشى مۇسۇلمانلاردىن: «ئۆزۈڭلارنىڭ قەۋمى-جامائىتى ۋە يۇرت-مەھەللىسىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ، يا مېنىڭ دىنىمگە كىرمەي، يا باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىغا كىرمەي، ئېتىقاد قىلىۋاتقىنىڭلار قايسى دىن ئۇ؟» دەپ سورىدى.
شۇنىڭ بىلەن جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب مۇسۇلمانلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
— پادىشاھ ئالىيلىرى! بىز جاھالەت پاتقىقىغا پېتىپ كەتكەن نادان خەلق ئىدۇق، بۇتقا چوقۇناتتۇق، ئۆزى ئۆلگەن ماللارنىمۇ يەيتتۇق. زىنا-پاھىشىگە ئۆزىمىزنى ئۇراتتۇق. ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قوشنىدارچىلىقىمىز يامانلاشقانىدى. كۈچلۈكلەر ئاجىزلىرىمىزنى يەيتتى. بىز مۇشۇنداق ناھەقچىلىققا توشقان جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بىر پەيتتە ئاللاھ بىزگە ئۆز ئىچىمىزدىن بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. بىز ئۇنىڭ راستچىل، سەمىمىي، پاك نەسەبلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇ بىزنى ئاللاھنى يەككە يېگانە بىلىشكە، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇزاقتىن بىرى قارىغۇلارچە چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ياغاچ-تاش (بۇت)لارنى كۆزىمىزدىن سېلىپ تاشلاشقا چاقىردى ۋە بىزنى راست سۆزلەش، ئامانەتنى ئۆز جايىغا قارار تاپقۇزۇش، سىلە-رەھىم قىلىش، قولۇم-قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ھارامخورلۇق ۋە ناھەق قان تۆكۈشتىن قەتئىي ساقلىنىشقا بۇيرىدى. پاھىشىۋازلىق، يالغانچىلىق، يېتىم-يىسىرلارنىڭ مېلىنى يەۋېلىش ۋە ئىپپەتلىك ئاياللارغا بوھتان قىلىشلاردىن توستى. ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى،— دەپ جەئفەر بىر قانچە دىنىي ئەمەللەرنى تىلغا ئالدى. — بىز ئۇنى تەستىقلىدۇق. سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن توغرا دىنغا كىردۇق ۋە ئاللاھنى بىر بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلدۇق. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىدۇق. بىز ھارام قىلىنغان شەيئىلەرنى ھارام، ھالال قىلىنغان شەيئىلەرنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلدۇق بىزنىڭ قەۋمى-جامائىتىمىز مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا بىزگە ئاچچىقلاندى. بىزنى يولسىز ئازابلىدى. ئۇلار بىزنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا بۇت-ھەيكەللەرگە چوقۇندۇرۇپ، ئىلگىرى راۋا كۆرگەن رەزىل قىلىقلارنى يەنە راۋا كۆرىدىغان ئىدىيىگە ئەكېلىپ، بىزنى بۇ دىنىمىزدىن ياندۇرماقچى بولۇشتى. ئۇلار بىزگە چىدىغۇسىز زۇلۇم سېلىپ ھەر جەھەتتىن سىقىپ، دىنىي ئىشلىرىمىزنى ئەركىن ئېلىپ بارغىلى قويمىغاندىن كېيىن جانابلىرىنىڭ دۆلىتىگە پاناھ ئىزلەپ كەلدۇق ۋە ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئەلا بىلىپ، ئاتىدارچىلىق قىلىپ قويۇشلىرىغا رىغبەت قىلىپتۇق. پادىشاھ ئالىيلىرى! ئۆزلىرىنىڭ سايىلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچرىماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز»، دەپ گېپىنى تۈگەتتى.
بۇ چاغدا نەجاشى ئۇنىڭغا: «ئۇ پەيغەمبىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى دىننىڭ ۋەسىقىلىرىدىن سەندە بىرەر نەرسە بارمۇ؟» دەپ سورىدى جەئپەر: «ھەئە، بار» دېدى. نەجاشى: «ئۇنداق بولسا ئۇنى ماڭا ئوقۇپ بەرگىن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب نەجاشىغا «كھيىپ» يەنى سۈرە مەريەمنىڭ باش قىسمىنى ئوقۇپ بىرىۋىدى، ئەزبىرايى خۇدا، نەجاشى يىغلاپ كەتتى. ھەتتا، ساقىلىنى ھۆل قىلىۋەتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىنجىل تىلاۋىتى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان باش روھانىيلارمۇ جەئفەر تىلاۋەت قىلغان قۇرئاننىڭ مەزمۇنىدىن تەسىرلىنىپ بۇقۇلداپ يىغلىشىپ كەتتى. ھەتتا، ئالدىدىكى ئىنجىل ۋاراقلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. بىر ھازا يېغىدىن كېيىن نەجاشى ئەمر ئىبنى ئاس بىلەن ئۇنىڭ ھەمرىيىغا خىتاپ قىلىپ: «بۇ ئايەتلەر بىلەن ئەيسا ئېلىپ كەلگەن ئايەتلەر چوقۇم بىر مەنبەدىن كەپتۇ، سىلەر ئىككىڭلار چىقىپ كېتىڭلار، مەن ئۇلارنى سىلەرگە قەتئىي قايتۇرۇپ بەرمەيمەن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئەلچى تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتتە مەغلۇپ بولۇپ، ئوردىدىن دەككىسىنى يېگەن ھالدا سالپىيىپ چىقىپ كېتىشتى، چىقىپ كېتىۋېتىپ ئەمرى ئىبنى ئاس ئابدۇللاھ ئىبنى رەبىئەگە: «ئەزبىرايى خۇدا، مەن ئەتە ئەتىگەن كىرىپ بۇ قاچقۇنلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلايدىغان بىر دەۋانى ئوتتۇرىغا قويىمەن»، دېگەنىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى رەبىئە: «ئۇنداق قىلمايلى، ئۇلارنىڭ بىز بىلەن گەرچە دىنى ئىختىلاپى بولسىمۇ، يەنىلا ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقىمىز بار»، دېدى. لېكىن، ئەمرى ئىبنى ئاس ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالدى ۋە ئەتىسى ئەتىگەن نەجاشىنىڭ ئوردىسىغا كەلدى ۋە: «پادىشاھ ئالىيلىرى! بۇ كىشىلەر تېخى ئىيسا پەيغەمبەر ھەققىدە ئادەم تىلغا ئالغىلى بولمايدىغان قوپال گەپ-سۆزلەرنى قىلىشىدۇ ئەمەسمۇ؟» دېدى. بۇنى ئاڭلىغان نەجاشى مۇسۇلمانلارغا ئىيسا ئەلەيـھىسسالامغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سوراپ ئادەم ئەۋەتتى. مۇسۇلمانلار دەماللىقچە بىر ئاز قورقۇشتى. بىراق، نېمىلا بولسۇن، راست گەپ قىلايلى، دېگەن قارارغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ كېلىۋىدى، پادىشاھ ئۇلاردىن ھېلىقى مەسىلىنى سورىدى. جەئفەر يەنە جاۋاب بېرىپ: «بىز ئىيسا ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز نېمە دەپ چۈشەنچە بەرگەن بولسا شۇنى دەيمىزكى: ‹ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە روھى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ياتلىق بولۇشتىن ۋاز كەچكەن مەريەم ئانىغا ئىلقا (تاشلاش) قىلغان كەلىيمىسىدۇر› »، دېدى.
بۇ چاغدا نەجاشى قولىغا ھاسىنى ئېلىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ دېگەنلىرىڭ ئىيسانىڭ ئەھۋالىغا مۇشۇ ھاسىدا چىنىگەندەك كەلدى»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ۋەزىر-ۋۇزۇرالىرى بىر-بىرىگە قارىشىپ، جىمىپ قېلىشتى. نەجاشى ئۇلارغا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، گەرچە سىلەرنىڭ ئىدىيەڭلاردىن ئۆتمىسىمۇ شۇنداق»، دېدى. ئاندىن مۇسۇلمانلارغا قاراپ: «قايتىڭلار، سىلەر مېنىڭ دۆلىتىمدە ئامان-ئىسەندۇرسىزلەر، سىلەرگە ئازار بەرگەنلەر جازالىنىدۇ، سىلەرگە ئازار بەرگەنلەر جازالىنىدۇ، سىلەرگە ئازار بەرگەنلەر جازالىنىدۇ، سىلەردىن بىر كىشىگە ئەزىيەت يېتىش بەدىلىگە بىر تاغدەك ئالتۇننىڭ مېنىڭ بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن»، دېدى.
ئاندىن كېيىن ئۇ يېنىدا دېۋەيلەپ تۇرغان نەۋكەرلىرىگە: «بۇ ئىككىسىنىڭ سوغا-سالاملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇ نەرسىلەر ماڭا بىھاجەت. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ ماڭا ھاكىمىيەتنى ئاتا قىلغاندا، مەندىن پارا ئالغان ئەمەس، ئاندىن مەنمۇ ئۇنى ئالار ئىدىم. ئاۋام پۇقرا ماڭا ئۆزلۈكىدىن ئىتائەت قىلغان ئەمەس، ئۇنداق بولغان بولسا مەنمۇ ئۇلارغا ئىتائەت قىلار ئىدىم»، دېدى.
بۇ قسىسىنى سۆزلەپ بەرگەن ئۇممۇ سەلىيمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سۆزىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇپ: «شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ئەلچى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشۈپ پادىشاھ ئوردىسىدىن ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالدا چىقىپ كېتىشتى. بىزلەر نەجاشىينىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە نائىل بولۇپ، ناھايىتى ئوبدان تۇرۇپ قالدۇق»، دەيدۇ.
يۇقىرىقىلار ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتى. ئۇنىڭدىن باشقا تارىخشۇناسلار: «ئەمرى ئىبنى ئاسنىڭ نەجاشىيغا ئەلچى بولۇپ بارغىنى بەدرى غازىتىدىن كېيىن بولغان»، دەيدۇ. يەنە قىسمەن تارىخچىلار ئەلچىلىك ئىككى قېتىم بولغان، دەپ ئىختىلاپنى تۈگىتىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ دېگىنىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا جەئفەر بىلەن نەجاشى ئوتتۇرىسىدىكى سوئال-جاۋابلار تەخمىنەن ئىبنى ئىسھاقنىڭ زىكرى قىلغان سوئال-جاۋابلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش جەريانىدىن قارىغاندا، بۇلارنىڭ نەجاشىنىڭ ھۇزۇرىغا تۇنجى قېتىم دەۋا قىلىپ بارغاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەرزنىڭ سوئال-جاۋاب تېكىستى ئىكەنلىكى مەلۇم.
ھاسىل كالام، بۇ قېتىم مۇشرىكلارنىڭ ھىيلىسى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولۇپ، سۇيىقەستى بەربات بولدى. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى ئىچىدىلا ئۆچمەنلىك نەشتىرىنى سانجىيالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاردا ئادەمنى چۆچىتىدىغان بىر خىل يامان ئوي-پىكىر پەيدا بولدى. ئۇ بولسىمۇ بۇ «بالايى ئاپەت»تىن قۇتۇلۇش، پەقەت مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنى دەۋەتتىن ئۈزۈل-كېسىل چەكلەش ياكى ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق ئاندىن مۇمكىن ئىكەن، دېگەن ئوي-پىكىرلەرئىدى. لېكىن، بۇ خام-خىياللارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىب ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغدىماقتا ۋە ئۇلار ئۈچۈن چوڭ بىر توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا. ئۇلار بۇ توغرىدا ئەبۇ تالىب بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ سۆزلىشىپ باقماقچى بولدى.
قۇرەيش دائىرلىرى ئەبۇ تالىبقا تەھدىت سالدى، قۇرەيش كاتتىۋاشلىرى ئەبۇ تالىبنىڭ قېشىغا كېلىشتى ۋە ئۇنىڭغا: «ئەي ئەبۇ تالىب! سەن ئارىمىزدىكى پىشقەدەم، نوپۇزلۇق ۋە ئورۇن مەرتىۋىسى يۇقىرى شەخس. بىز ساڭا ئۆز قېرىندىشىڭنىڭ ئوغلىنى بۇ ئىشىدىن توسقىن، دەپ بىر قانچە قېتىم ئېيتقان بولساقمۇ، سەن ئۇنى توسمىدىڭ. ئەمدى بىز ئەزبىرايى خۇدا، ئۇنىڭ ئەجدادلىرىمىزنى تىللاپ، بىزنى ئەقىلسىز، ھاماقەتكە چىقىرىپ، ئىلاھلىرىمىزنى ئەيىبلىشىگە چىداپ تۇرالمايمىز. سەن ئۇنى بىز بىلەن ئۆچەكىشىشتىن توسقىن ياكى بىز بىر تەرەپ، سىلەر ئىككىڭلار بىر تەرەپ بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرسى تۈگەشكەنگە قەدەر ئۇرۇشىمىز»، دەپ تەھدىت سالدى.
ئەبۇ تالىبقا ئۇلارنىڭ بۇ ھەيۋىسى ۋە يۈزسىزلەرچە تەھدىت سېلىشلىرى قاتتىق ئېغىر كەلدى چېغى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا: «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! بۈگۈن قەۋمى-جامائەتلەر يېنىمغا كېلىپ، پالان-پۇستان گەپلەرنى قىلدى. شۇڭا، سىز مېنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ ئاسرىسىڭىز، قولۇمدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا مېنى تەڭلىككە سالمىسىڭىز»، دېدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ تاغاممۇ ھامىيلىقتىن ۋاز كېچىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇ ماڭا ياردەم قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن چېغى، دەپ ئويلاپ: «ئى تاغا! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ماڭا مۇشۇ ئىشنى تاشلاش بەدىلىگە ئوڭ قولۇمغا قۇياشنى، سول قولۇمغا ئاينى تۇتقۇزسىمۇ ئاللاھ بۇ ئىشنى، (يەنى ئىسلام دىنىنى) ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلمىغۇچە ياكى مەن مۇشۇ يولدا ھالاك بولۇپ تۈگىمىگىچە ھەرگىز تاشلىمايمەن»، دېدىيۇ كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياشلار تۆكۈلۈپ يىغلىغان پېتى چىقىپ كېتىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ تېخى يىراققا بارمىغانىدى. ئەبۇ تالىب ئۇنى يەنە چاقىردى. رەسۇلۇللاھ كەينىگە بۇرۇلۇپ كېلىۋىدى، ئەبۇ تالىب: «بارغىن ئوغلۇم! خالىغىنىڭنى تەشۋىق قىلغىن، ئىشىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ھەر قانداق ئەھۋالدا سېنى قەتئىي تاشلىۋەتمەيمەن»، دېدى ۋە تۆۋەندىكى مىسرانى ئوقۇدى:
قەسەم ئاللاھ زاتى بىرلە، تېگەلمەيدۇ ياۋ ساڭا،
مەن توپا ئىچرە كىرىپ ئورۇن ئېلىپ ياتقۇچە،
بار، ۋە ھەقنى جاكارلا، ھېچ كىشى ئار تۇرالماس،
شادلىنىپ يۈزۈ-كۆزۈڭ خۇشاللىققا پاتقىچە.
قۇرەيشلەر ئەبۇ تالىبنىڭ كۆزىگە يەنە كىرىۋالدى
قۇرەيش دائىرىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئۆز ئىشىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەبۇ تالىبنىڭ ئۇنى تاشلىۋەتكۈسى كەلمىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا قۇرەيشلەردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە ۋە ئاداۋەتلىشىشكە بەل باغلىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا، ئۇلار ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرىنىڭ ئوغلى ئەممار ئىبنى ۋەلىدنى ئېلىپ ئەبۇ تالىبنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە: «ئى ئەبۇ تالىب! بۇ يىگىت قۇرەيش ئىچىدە ناھايىتى ئوڭلۇق ھەم كېلىشكەن يىگىت، سەن ئۇنى ئەپقېلىپ بالا قىلىپ بېقىۋالغىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە يېقىندىن ھەمدەمدە بولۇشى بىلەن سېنى رازى قىلىدۇ. بىزگە ماۋۇ سېنىڭ ۋە ئەجدادلىرىڭنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىدىن ئايرىلغان ۋە جامائەتچىلىكنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇپ، ئارىغا تەپرىقچىلىك سالغان قېرىندىشىڭنىڭ ئوغلىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرگىن، بىز ئۇنى يوقىتىۋېتەيلى! ساڭا زىيان يوق. چۈنكى، سەن ئوغۇلسىز قالمايسەن»، دېيىشتى. ئەبۇ تالىب ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «ئەزبىرايى خۇدا، بۇ نېمە دېگەن يولسىزلىق، سىلەر ماڭا بالاڭلارنى بېرىسىلەر، مەن ئۇنىڭغا ئاش-گۆش بېرىپ باقىمەن، مەن سىلەرگە بالامنى تۇتۇپ بېرىمەن، سىلەر ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىسىلەر؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم، بۇ مۇمكىن ئەمەس، مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس»، دېدى. بۇ چاغدا مۇتئىم ئىبنى ئەدى (نەۋفەل ئىبنى ئابدۇمانافنىڭ ئوغلى): «ئى ئەبۇ تالىب! قەۋمى-جامائەت ساڭا ئىنساپ بىلەن تەكلىپ بەردى ۋە ساڭىمۇ ياقمايدىغان ئاشۇنداق ئىشلاردىن قۇتۇلۇشنى ئويلىدى. نېمە دەپ سەن ئۇلارنىڭ تەكلىپىنىڭ ھېچ قايسىسىنى قوبۇل قىلمايسەن؟ دېۋىدى. ئەبۇ تالىب: «ئەزبىرايى خۇدا، سىلەر قەتئىي ئىنساپ قىلمىدىڭلار، لېكىن سەنمۇ گېپىڭدىن قارىغاندا مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئاشۇلارغا بولۇشماقچى بولغاندەك قىلىسەن، ئىختىيارىڭ، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىلغىن»، دېدى-دە، گەپنى ئۈزۈۋەتتى.
تارىخى مەنبەلەردە بۇ ئىككى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ۋاقتى ئېنىق زىكرى قىلىنمىغان، لېكىن ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋە ئىلمىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ ئىككى قېتىملىق سۆھبەت بىئسەتنىڭ ئالتىنچى يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بولغانلىقىنى ۋە ئىككى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئارىلىقىدا كۆپ ۋاقىت ئۆتمىگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
مۇشرىكلارنىڭ رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرۈۋېتىش كويىدا بولغانلىقى
قۇرەيش دائىرىلىرى يۇقىرىقى ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق جازالاش ۋە قىيىن قىستاققا ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى بۇرۇنقىدىن بەكرەك ئەشەددىيلەشتۈردى ۋە مۇشۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم چېكىدىن ئاشقان قارا نىيەت بەدبەختلەردە رەسۇلۇللاھنى باشقا بىر يول بىلەن ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى. مانا بۇ خام-خىيال ۋە چېكىدىن ئاشقان قاتتىق قوللۇق مەككە ئەزىمەتلىرىدىن ئىككى ئەزىمەتنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇپ قالدى. بۇ ئىككى ئەزىمەت ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما (ئاللاھ بۇ ئىككىيلەندىن رازى بولسۇن)لار ئىدى.
قۇرەيش كاپىرلىرىنىڭ ئاشۇ كۈنلەردىكى چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىقلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇتەيبە (ئەبۇ لەھەبنىڭ چوڭ ئوغلى) بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «مەن ﴿النجم اۇا ھوۈ﴾ ‹ئاندىن ئاستا- ئاستا (مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامغا) يېقىنلىشىپ، تۆۋەنگە چۈشتى›، دېگەن ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىمەن قانداق؟»، دېدى ۋە رەسۇلۇللاھقا قول شىلتىپ ئاھانەت قىلدى ئاندىن ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ گۈشۈپ، كۆينىكىنى يىرتىۋەتتى. ئۇتەيبە يەنە تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، رەسۇلۇللاھنىڭ چىرايلىرىغا تۈكۈرۈپ، مىشقىرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ نىجىس تۈكرۈكلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ چىرايىغا چۈشمەيۋاتاتتى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا دۇئايى بەد قىلىپ: «ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا سېنىڭ ئىتلىرىڭدىن بىر ئىتنى مۇسەللەت قىلغىن»، دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ دۇئاسىمۇ ھەقىقەتەن ئىجاۋەت بولغانىدى، ئۇ شۇنىڭدىن ئازراق كېيىن قۇرەيشلەرنىڭ كارىۋىنى بىلەن شام (سۈرىيە)غا تىجارەتكە چىقىپ، زەرقائ دېگەن يەرگە چۈشكەندە، كېچىسى بىر يولۋاس ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى چۆگىلەپ كېتەلمەي قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇتەيبە: «ۋاي ئىست! قېرىنداشلىرىم! ئەزبىرايى خۇدا، ئۇ يولۋاس مېنى چوقۇم يەۋېتىدىغان بولدى، مۇھەممەد ماڭا شۇنداق دۇئا قىلغانىدى، ئەزبىرايى خۇدا، ئۇ مەككىدە تۇرۇپ، مېنى شامدا ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان بولدى»، دەپ ئەنسىرەشكە باشلىدى. دېگەندەك شۇ كېچىسى يولۋاس نۇرغۇن ئادەملەر ئارىسىدىن ئاشۇنى تېپىپ، بېشىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتتى.
مۇشرىكلارنىڭ نىيىتى بۇزۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدىن بىرى شۇكى، ئۇقبە ئىبنى ئەبى مۇئەيت رەسۇلۇللاھ نامازدا سەجدىگە بارغاندا ئۇنىڭ مۇبارەك گەجگىلىرىگە دەسسەپ تۇرۇۋالغان. ھەتتا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى كۆزى چاچراپ چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالغان.
يەنە ئۇلارنىڭ زالىم كاتتىۋاشلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان پاكىتلاردىن بىرى ئىبنى ئىسھاق ئۇزۇن بىر ھەدىستە زىكرى قىلغان مۇنداق بىر ۋەقەلىكتۇر، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىر كۈنى ئەبۇ جەھىل سۆز قىلىپ: ‹ئى قۇرەيش جامائەسى! كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، مۇھەممەد دىنىمىزنى ئەيىبلەش، ئەجدادلىرىمىزنى تىللاپ سۆكۈش، بىزلەرنى ئەقىلسىز ھاماقەتلەرگە چىقىرىش ۋە ئىلاھلىرىمىزنى يوققا چىقىرىش قىلمىشلىرىدىن يانغىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ، مەن ئاللاھقا ئەھدى بېرىمەنكى، قولۇمغا چوڭ تاشتىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنى كۈتىمەن، ئۇ نامازدا سەجدىگە باش قويغان ھامان تاش بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىنى مىجىيمەن. شۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئابدۇماناف جەمەتىگە تۇتۇپ بېرەمسىلەر ياكى مېنى قوغدامسىلەر، ئۆز ئىختىيارىڭلار، شۇ چاغدا ئابدۇماناف جەمەتى قولىدىن كەلگىنىنى قىلسۇن›، دېدى. ئۇلار: ‹ۋا…ي، ھەرگىز ئۇنداق ئىش بولمايدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز سېنى ئۇ جەمەتنىڭ ئادەملىرىگە مەڭگۈ يولاتمايمىز، ياخشى ئويلاپسەن، ئەمەلدە كۆرسەتكىن›، دېيىشتى.
ئەبۇ جەھىل ئەتىسى ئەتىگەن ئالدىنقى كۈنى ئوتتۇرىغا قويغىنى بويىچە قولىغا راسا چوڭ تاشتىن بىرنى ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى كۈتۈپ ئولتۇردى. رەسۇلۇللاھمۇ ئادىتى بويىچە ئەتىسى ئەتىگەن مەسىجىدىلھەرامغا كېلىپ، نامازغا تۇردى. قۇرەيشلەرمۇ ئەتىگەن يىغىلىپ، ئەبۇ جەھىلنىڭ نېمە قىلارىنى كۈتۈپ ئولتۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام نامازدا سەجدىگە بېرىۋىدى، ئەبۇ جەھىل ھېلىقى تاشنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى-دە، رەسۇلۇللاھ تەرەپكە مەغرۇرانە قەدەم تاشلىدى. بىر چاغدا ئۇ رەسۇلۇللاھقا يېقىنلاپ بارغاندەك قىلاتتى. ئۇشتۇمتۇت، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، رەڭگى-رويى تاتىرىپ، ھالسىرىغان پېتى كەينىچىلەپ قايتىپ كەلدى. ئۇ قولىدىكى تاشنى تاشلىۋېتىشكىمۇ ئەقلى بارمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ تاشنى ئەمدى تاشلىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن قۇرەيش كىشىلىرى: ‹ئى ئەبۇلھەكەم، (ئەبۇ جەھىلنىڭ كونىيىتى) ساڭا نېمە بولدى؟ ساڭا نېمە بولدى› دېيىشىپ، ئورنىدىن تۇرۇشتى. ئەبۇ جەھىل: ‹مەن سىلەرگە تۈنۈگۈن دېگەنلىرىمنى ئىجرا قىلاي›، دەپ مۇھەممەدكە يېقىنلاپ بېرىۋىدىم، ئەزبىرايى خۇدا بىر دانە چوڭ نار تۆگە پەيدا بولۇپ، ماڭا ئېتىلدى. ياق… ئەزبىرايى خۇدا، مەن ئۇنداق يوغانباش، ئۇزۇن مەگەنلىك، چالۋا تۆگىنى كۆرمىگەنىدىم، ئۇ مېنى يەۋەتكىلى تاسلا قالدى›، دېدى». ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: ‹ئۇنىڭ كۆرگىنى جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام ئىدى، ئەگەر ئۇ يېقىنلاپ كېلىۋەرگەن بولسا، جىبرىئىل (ئەلەيـھىسسالام) ئۇنى ھالاك قىلىۋېتەتتى›، دېگەن».
شۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ جەھىل پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قەبىھ بىر ئەسكىلىكنى قىلدى. ئۇ ۋەقە ئۆز نۆۋىتىدە بايان قىلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا قۇرەيش مۇستەبىتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قەلبىدە رەسۇلۇللاھنى يوقىتىۋېتىش ئويى داۋاملىق يىرىڭداپ تاشماقتا ئىدى.
ئىبنى ئىسھاق ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاستىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر قېتىم قۇرەيشلەرنىڭ ھىجرى (كەئبىنىڭ يۇقىرى تېمىغا بويلىتىپ يېرىم قوپۇرۇلغان تام) دىكى يىغىلىشىغا قاتناشقانىدىم. ئۇلار رەسۇلۇللاھنى تىلغا ئېلىپ، غاجاشقا باشلىدى. ئۇلار تەرەپ-تەرەپتىن سۆز قېتىپ: ‹بىز بۇ ئادەمنىڭ قىلمىشىغا سەبرى قىلغاندەك ھېچقانداق بىر ئىشقا ئۇنچە كۆپ سەبرى قىلىپ كۈتمىگەنىدۇق. بىز ئۇنىڭغا پەۋقۇلئاددە چوڭ بىر ئىشتا سەبرى قىلدۇق›، دېيىشىپ تۇراتتى. توساتتىن رەسۇلۇللاھ پەيدا بولۇپ كەلدى. ئۇ ئۇدۇل بېرىپ ئاۋۋال رۇكنى نى بوسە قىلدى، ئاندىن بەيتۇللاھنىڭ ئەتراپىنى تاۋاپ قىلغاچ ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتىۋىدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھقا بەزى بولمىغۇر گەپلەر بىلەن تىل ئۇزاتتى. بۇ چاغدا مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قاتتىق ئاھانەت تارتقانلىقىنى سەزدىم، رەسۇلۇللاھ ئايلىنىپ ئىككىنچى قېتىم كېلىۋىدى، ئۇلار يەنە شۇنداق قىلىشتى. رەسۇلۇللاھنىڭ چىرايى يەنە شۇنداق ئۆزگەردى، ئاندىن ئۈچىنچى قېتىم ئايلىنىپ كېلىۋىدى، ئۇلار يەنە شۇنداق ئاھانەت قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام توختاپ تۇرۇپ: ‹ئى قۇرەيش جامائەسى! ئاڭلاۋاتامسىلەر؟ ئاگاھ بولۇڭلاركى، مەن ئەزبىرايى خۇدا چوقۇم ‹يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم›نى ئېلىپ كەلدىم›، دېدى. ئېھتىمال كۆپچىلىككە ئۇنىڭ سۆزى تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، ھەممىسى بىراقلا گويا بېشىدا ئۇچار-قۇش قونۇپ تۇرغاندەك جىمىپ قېلىشتى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەشەددىي بەدبېشىلىرىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، ئىسسىقچىلىق قىلىشقا تىرىشتى ۋە: ‹ئى ئەبۇلقاسىم (رەسۇلۇللاھنىڭ كونىيتى) سەن ھەرگىز نادانلارچە سۆزلىمەيسەن›، دېيىشتى. ئەتىسى ئۇلار ئالدىنقى كۈنگە ئوخشاشلا بىر يەرگە جەم بولۇپ، يەنە رەسۇلۇللاھنى غاجىشىۋاتاتتى. ئۇشتۇمتۇت رەسۇلۇللاھ ئۇ يەرگە يەنە پەيدا بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ‹ھۇررا›، دېيىشىپ قوپقىنىچە رەسۇلۇللاھنى ئارىغا ئېلىپ قورشىۋېلىشتى. مەن ئۇلاردىن بىرسىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. ئەبۇ بەكرى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، يىغلىغان ھالدا: ‹ھاي، … سىلەرنى، ھاي، بىر ئادەمنى پەرۋەردىگارىم ئاللاھ دېگەنگە ئۆلتۈرمەكچىمۇسىلەر›، دېدى. بىردەمدىن كېيىن ئۇلار رەسۇلۇللاھنى تاشلاپ تارقىلىپ كېتىشتى». راۋىي ئىبنى ئەمرى مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ۋەقە مەن كۆرگەن ۋەقەلەر ئىچىدە قۇرەيشلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئەڭ قاتتىق تەگكەن بىر قېتىملىق يولسىز قىلمىشىدۇر».
ئىمام بۇخارى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە ئۇرۋە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاستىن مۇشرىكلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا سالغان زۇلۇملىرىنىڭ ئەڭ قەبىھ بولغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەنىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ كەئبىنىڭ ھىجرى دېگەن يېرىدە ناماز ئوقۇۋاتاتتى، تۇساتتىن ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيت پەيدا بولۇپ، ئۈستىدىكى كىيىمىنى سېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ بوينىغا سېلىپ، ئۇنىڭ گېلىنى ناھايىتى قاتتىق بوغدى. ئەبۇ بەكرى يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇقبەنىڭ گەجگىسىدىن تارتىپ ئارقىغا ئىتتىرىۋەتتى ۋە: ‹بىر ئادەمنى پەرۋەردىگارىم ئاللا دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرگەن بارمۇ؟›، دېدى». ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ھەدىسىدە: « جاكارچى ئەبۇ بەكرىنىڭ يېنىغا: ‹بىرسى سېنىڭ ھېلىقى ھەمرىيىڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى ئاز قالدى، قۇتقۇزۇۋالغىن›، دەپ توۋلاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكرى يېنىمىزدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ بېشىدا تۆت ئۆرەم چېچى بار ئىدى. ئۇ : ‹بىر ئادەمنى پەرۋەردىگارىم ئاللاھ دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرمەكچىمۇسىلەر؟› دېگەچ يۈگۈرۈپ چىققانىدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنى قويۇپ ئەبۇ بەكرىگە ئولىشىپ كېتىپتۇ. كېيىن ئەبۇ بەكرى قايتقاندا، ئۇنىڭ ئۆرەم چاچلىرى تۇتساقلا قولىمىزغا ئاجراپ چىقىدىغان بولۇپ كېتىپتىكەن»، دېيىلگەن.
ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى
مەككە ئاسمىنى زۇلۇم-سىتەم قارا بۇلۇتلىرى بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن ئاشۇ زۇلمەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ، بىر چاقماق چاقنىدى. ئۇ بولسىمۇ ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ مۇسۇلمان بولۇشى بىلەن غېرىب بىچارىلەر قەلبىدە چاقنىغان شادلىق چاقمىقى ئىدى. ھەمزە بىئسەتنىڭ 6- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇسۇلمان بولدى. ئۇنىڭ شۇ يىلى زۇلھەججە ئېيىدا مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرىراق. ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇش جەريانى مۇنداق بولدى: بىر كۈنى ئەبۇ جەھىل سەفا تېغىدا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى ناھايىتى سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلىدى. بۇنىڭغا قارىتا رەسۇلۇللاھ گەپ قىلماي جىم تۇرغانىدى، ئۇ تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، قولىغا بىر تال تاشنى ئېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىغا ھېلىقى تاش بىلەن ئۇرۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى. ھەتتا شۇرقىراپ قان ئېقىپ كەتتى، ئاندىن ئۇ كەئبە يېنىدىكى قۇرەيشلەرنىڭ مەجلىس سورۇنىغا قايتىپ، ئاشۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى جەدئاننىڭ بىر دېدىكى سەفا تېغىدىكى تۇرالغۇسىدا يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى باشتىن ئاخىر كۆرۈپ تۇرغانىدى. ھەمزە ئوقيا-ياراغلىرىنى تەتۈر ئېسىپ، ئوۋدىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ھېلىقى دېدەك ھەمزىگە ئەبۇ جەھىلنىڭ رەسۇلۇللاھقا قىلغان ناھەق يولسىزلىقلىرىنى كۆرگەن پېتى ئېيتىپ بەردى. بۇنى ئاڭلاپ، ھەمزىنىڭ قاتتىق غەزىپى ئۆرلىدى-دە، ئەبۇ جەھىلنى ئىزدەپ يۈگۈرگەن پېتى كېتىپ قالدى. (ئۇ قۇرەيش ئىچىدە غۇرۇرى ئەڭ كۈچلۈك ئەزىمەت ئىدى) ئۇ ھېچ بىراۋغىمۇ توختىمىدى، قارىغاندا، ئۇ ئەبۇ جەھىلنى ئۇچراتسا، ھېلى قول سالىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ مەسجىدكە كىرگەن پېتى ئەبۇ جەھىلنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى ۋە ئۇنىڭغا: «ئى جىگدىچى قېرىنىڭ بالىسى! تېخى سەن مېنىڭ قېرىندىشىمنىڭ ئوغلىنى تىللاۋاتامسەن، ھالبۇكى مەن ئۇنىڭ دىنىدا تۇرسام»، دېدى، ئاندىن ئۇنىڭ كاللىسىغا ئوقيا بىلەن ئۇرۇپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى يېرىۋەتتى. نەتىجىدە بەنى مەخزۇم (ئەبۇ جەھىلنىڭ قەبىلىسى) كىشىلىرى بىلەن بەنى ھاشىم (ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبىلىسى) كىشىلىرى قوزغىلىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئەبۇ جەھىل: «ئەبۇ ئەممارغا (ھەمزىنىڭ كونىيتى) چېقىلماڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغلىنى ئۇرغانىدىم»، دېدى.
ھەمزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى دەسلەپتە، ئۆز پۇشتىدىن بىر كىشىنىڭ خورلىنىشىغا چىدىمىغانلىقىدىن بولغانىدى. كېيىن ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ئىسلام نۇرى بىلەن يورۇتۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈزۈلمەس ئارقانغا چىڭ ئېسىلدى-دە، ئۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار زور دەرىجىدە ئىززەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت تاپتى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى
ئاشۇ قاتمۇ-قات زۇلۇم-سىتەم تۇمانلىرى بىلەن خىرەلىشىپ كەتكەن مەككە ئاسمىنىدا توساتتىن يەنە بىر چاقماق چاقنىدى. ئۇنىڭ نۇرى ئاۋۋالقىدىن نۇرانە ھەم كۈچلۈكتەك قىلاتتى.ئۇ بولسىمۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ: «مەن مۇسۇلمان بولدۇم»، دېگەن سۆزىنىڭ ئەكىس ساداسىدىن ئۇرۇلغان چاقماق نۇرى ئىدى. ئۇ بىئسەتنىڭ 6- يىلى زۇلھەججە ئېيىدا ھەمزە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)دىن ئۈچ كۈن كېيىن مۇسۇلمان بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا دۇئا قىلغانىدى. ئىمام تىرمىزىي ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ۋە تەبرانى ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەنەسلەردىن نەقىل قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام دۇئا قىلىپ: ‹ئى ئاللاھ! ئىسلام دىنىنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ياكى ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشامدىن ئىبارەت ئىككى كىشىنىڭ ساڭا يېقىنراق بىرى بىلەن ئەزىزلىگىن›، دېگەنىدى. بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئىچىدە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئاللاھقا بەكرەك يېقىن ئىكەن»، دېيىلگەن.
ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇش جەريانىغا ئائىت ھەدىسلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر نەزەر سېلىپ كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ قەلبىگە ئىسلام نۇرىنىڭ داخىل بولۇشى تەدرىجىي بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. لېكىن، گەپنىڭ خۇلاسىسىنى بايان قىلىشتىن ئاۋۋال بۇ زاتنىڭ روھى دۇنياسىدا كەسكىن جەڭ قىلىۋاتقان مۇرەككەپ ئىدىيىۋى توقۇنۇش ۋە داۋالغۇشلارنى سۆزلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مىجەزى چۇس، قارام تەبىئەتلىكلىكى بىلەن ھەممىگە تونۇشلۇق تىمەن كىشى ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ كۆڭلىدە قارىمۇقارشى ھېس تۇيغۇلار كەسكىن تىركىشىپ كەلگەن. ئۇ بەزىدە ئەجدادلار ئۇزۇندىن بېرى ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنى ھۆرمەتلەپ قان-تومۇرىغا سىڭىپ كەتكەن ئويۇن-تاماشا مەستلىكىگە بېرىلسە، بەزىدە مۇسۇلمانلارنىڭ جەسۇر قىياپىتى ۋە ئەقىدە يولىدا ھەر قانچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى لەززەت ساناشلىرىدىن ئەجەبلىنەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ كۆڭلىدە (ئۇ بىر ئەقىل ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن): «ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان ئەقىدە ۋە تۇتۇپ ماڭغان يول، باشقا دىنلاردىكى ھەر قانداق بىر ئەقىدە ۋە ئىجتىمائىي يۆنىلىشتىن ئىلغار ھەم ئاقىۋىتى خەيرلىك بولۇشى مۇمكىن»، دېگەن ئوي-خىياللار ئۇنىڭ بىلەن كۈچ سىنىشاتتى. شۇڭا، ئۇ مۇشۇلارنى ئويلىسىلا، بىر قىسمىلا بولۇپ ئاخىرىنى چىقىرالماي غەمگە پېتىپ چوڭ-كىچىك تىنىپ، جىمىپ قالاتتى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ مۇسۇلمان بولۇشى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ئۇ بىر كۈنى ئۆيگە قايتماي، سىرتتا قونۇپ قېلىشقا توغرا كېلىپ، ھەرەمگە كەلدى ۋە كەئبىنىڭ يوپۇقى ئىچىگە كىرىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغا خېلى يېقىن جايدا ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋاتاتتى. نامازدا سۈرە «ھاققە»نى تىلاۋەت قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر «قۇرئان»نى تىڭشاپ، ئۇنىڭ گۈزەل پاساھىتىدىن زوق ئېلىشقا باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەزبىرايى خۇدا، مەن (كۆڭلۈمدە) بۇ چوقۇم قۇرەيشلەر ئېيتقىنىدەك شائىر دەيتتىم. ئۇ ئوقۇپ كېلىپ، قىرائىتىنىڭ داۋامىدا ﴿انھ لقول رسول كريم ○ وما ھو بقول شاىر ط قليلا ما تۋمنون﴾ ‹بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن يەتكۈزگەن سۈزىدۇر)، ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر، سىلەر ناھايىتى ئاز ئىشىنىسىلەر› (‹قۇرئان كەرىم› سۈرە ھاققە 40-، 41- ئايەت) دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى. مەن كۆڭلۈمدە ئۇنداق بولسا، چوقۇم كاھىن (چىراغچى) دېدىم، ئۇ: ﴿ولا بقول كاھن ط قليلا ما تۇكرون○ تنزيل من رب الىلمين﴾ ‹ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ناھايىتى ئاز نەسىھەت ئالىسىلەر، ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر› (‹قۇرئان كەرىم› سۈرە ھاققە 42-، 43- ئايەتلەر) دېگەن ئايەتنى سۈرىنىڭ ئاخىرغىچە ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ قەلبىمگە ئىسلام نۇرى تەجەللى قىلىپ كىردى».
مانا بۇ ئىسلام نۇرىنىڭ ئۆمەرنىڭ قەلبىگە تۇنجى قېتىم بىخ ئۇرۇپ كىرىشى ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭدىكى جاھىلىيەت ئېقىمىغا بولغان مايىللىق، كونا ئەنئەنىگە بولغان ئەقىدە ۋە ئەجدادلارنىڭ يولىغا ۋارىسلىق قىلىش ئىدىيىسىنىڭ قارا كۆلەڭگىلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆرتەۋاتقان ھەققانىيەت يالقۇنىنى يېپىۋالغانلىقتىن، ئۇ بۇ قارا كۆلەڭگە ئارقىسىغا يۆگۈلۈپ قالغان پاك ھېس-تۇيغۇلارغا پەرۋا قىلماستىن ئىسلامغا قارشى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەنىدى.
ئۆمەر تەبىئىتىنىڭ ئىتتىكلىكى ۋە رەسۇلۇللاھقا بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ قاتتىق كۈچلۈكلىكىدىن بىر كۈنى قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئۆيدىن چىقتى. يولدا ئۇنىڭغا نۇئەيم ئىبنى ئابدۇللاھ نەھھام (بەنى ئەدىي جەمەتىدىن) ياكى بەنى زوھرەدىنمۇ ياكى بەنى مەخزۇمدىنمۇ بىر كىشى (رىۋايەت قىلغۇچى جەزملەشتۈرەلمەيدۇ) يولۇقۇپ: «قەيەرگە مېڭىۋاتىسەن، ئى ئۆمەر!»، دەپ سوراپ قالدى. ئۆمەر: «مۇھەممەدنى ئۆلتۈرۈۋېتەي، دەپ ماڭدىم»، دېدى. ئۇ كىشى: «مۇھەممەدنى ئۆلتۈرۈپ قويساڭ، بەنى ھاشىم جەمەتى بىلەن بەنى زوھرە جەمەتى سېنىمۇ ئامان قويماسمىكىن»، دېۋىدى. ئۆمەر: «سەنمۇ ئۆز دىنىڭنى تاشلاپ مۇرتەد بولغانغا ئوخشىمامسەن، ھەجەپ مۇھەممەدنىڭ ئېرىقىنى ياقىلاپ قالدىڭغۇ؟»، دېدى. نۇئەيم: «ئۇنداق بولسا، مەن سېنى بۇنىڭدىنمۇ ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىشقا باشلاپ بارمايمۇ؟ سېنىڭ ھەمشىرەڭ ۋە كۈيئوغلۇڭ ئىككىلىسى يېڭى دىننى قوبۇل قىلىپ، سېنىڭ دىنىڭنى تاشلىۋېتىشتى»، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۆمەر ئۇچقاندەك ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆيىدە خەبباب ئىبنى ئەرەت قولىدا سۈرە «تاھا» پۈتۈلگەن قەغەزنى تۇتۇقلۇق ھالدا، ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىپ ئولتۇراتتى. (ئۇ خېلىدىن بېرى مۇشۇ ئۆيگە كېلىپ، ئۇلارغا «قۇرئان» ئۆگىتىپ قويۇپ كېتەتتى. خەبباب ئۆمەرنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپلا ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا مۆكۈنۈۋالدى. فاتىمە (ئۆمەرنىڭ ھەمشىرىسى) ھېلىقى سۈرە «تاھا» پۈتۈلگەن ۋەرەقىنى پالاسنىڭ ئاستىغا تىقىۋەتتى. ئۆمەر ئۆيگە يېقىنلاپ كەلگەندە، ئۇ يەردە خەببابنىڭ قىرائەت قىلىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆيگە كىرىپلا: «مەن بايام يېنىڭلاردىن ئاڭلىغىنىم كىمنىڭ ئاۋازى ئۇ؟»، دەپ سوراق قىلىشقا باشلىدى. ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى: «مۇشۇ ئىككىمىزنىڭ پارىڭى، خالاس. باشقا ئاۋاز ئاڭلىمىدۇق»، دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئۆمەر: «ئەھۋالدىن قارىغاندا سىلەر ئىككىيلەن ئۆز دىنىڭلارنى تاشلاپ، مۇرتەد بولغان ئوخشايسىلەر؟»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈيئوغلى: «ئى ئۆمەر! ئەگەر ھەقىقەت سېنىڭ دىنىڭنىڭ غەيرىدە بولسا، قانداق قارايسەن؟»، دېۋىدى. ئۆمەر غەزەب بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ، كىيئوغلىنى يېقىتىپ ئاستىغا بېسىۋېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇشتلىغىلى تۇردى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەمشىرىسى فاتىمە كېلىپ، ئۆمەرنى ئېرىنىڭ ئۈستىدىن ئىتتىرىۋەتتى، ئۆمەر ئۇنىڭ يۈزىگە تەتۈر مۇشت بىلەن بىرنى قويۇپ ئېتىلدۇرۇۋەتتى، ئۇنىڭ ئېغىز-بۇرۇنلىرىدىن قان ئېقىشقا باشلىدى. (ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە ئۆمەر ھەمشىرىسىنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ يېرىۋەتكەن دېيىلىدۇ) شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرغەزەب بولۇپ: «ئى ئۆمەر! ئەگەر ھەقىقەت سېنىڭ دىنىڭنىڭ غەيرىدە بولسىچۇ؟ «اشھد ان لا الھ الا اللھ و اشھد ان مچمد ىبدھ و رسولھ» «مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرىدۇر، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن»، دېدى.
ئۆمەر بۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى ۋە سىڭلىسىنىڭ چىرايىدىن ئېقىۋاتقان قانلارنى كۆرۈپ، قاتتىق پۇشايمان قىلدى ۋە خىجالەت ھېس قىلىپ: «ھېلىقى ۋارىقىڭلارنى ئېلىڭلار، مەن ئوقۇپ كۆرەي»، دېدى. فاتىمە ئۇنىڭغا يىغلىغان ھالدا: «سەن دېگەن بىتاھارەت، نىجىستۇرسەن، ئۇنى خالىغانچە تۇتۇشقا بولمايدۇ، شۇڭا ئاۋۋال غۇسلى تاھارەت ئېلىپ كەلگىن، ئاندىن…»، دېدى. ئۆمەر ئورنىدىن تۇرۇپ، بېرىپ غۇسلى تاھارەت ئېلىپ كەلدى. ئاندىن ھېلىقى ۋەرەقنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. ﴿بسم اللھ الرچمن الرچيم ○ طاھا …﴾ «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن (باشلايمەن)» ئۆمەر بۇنى ئوقۇپ: «ناھايىتى ياخشى گۈزەل ئىسىملارغۇ!!»، دېدى. ئاندىن ﴿طاھا …﴾ دەپ سۈرە «تاھانى» ئوقۇشقا باشلىدى. ھەتتا ئۇ ئاللاھنىڭ ﴿انني انا اللھ لژ الھ الژ انا فاىبدني لا و اقم الپلوە لۇكرۈ﴾ «مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەئبۇد (بەرھەق) يوقدۇر، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكرى قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن» («قۇرئان كەرىم» 20 سۈرە 14- ئايەت) دېگەن يەرگە كېلىۋىدى: «بۇ نېمە دېگەن لەزىز، شېرىن كالام! بۇ نېمە دېگەن ئۇلۇغ سۆز! مېنى مۇھەممەدنىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىڭلار»، دەۋەتتى.
خەبباب ئۆمەرنىڭ ھېلىقى سۆزىنى ئاڭلاپ، ئاستا قەدەم بىلەن ئۆيدىن چىقتى ۋە: «خۇش خەۋەر ئى ئۆمەر! مەن سېنىڭ رەسۇلۇللاھ پەيشەنبە كېچىسى ‹ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ياكى ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام بىلەن ئەزىزلىگىن› دېگەن دۇئاسىنىڭ ئىجابىتى بولۇپ قېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، رەسۇلۇللاھ ھازىر سەفا تېغىنىڭ يېنىدا بىر قورۇدا»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر قولىدىكى يالاڭ قىلىچنى غىلاپقا سېلىپ، يېنىغا ئاستى. ئاندىن خەبباب ئېيتىپ بەرگەن ھېلىقى قورۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن ھېلىقى قورۇنى ئىزدەپ تېپىپ دەرۋازىنى چەكتى. بىرەيلەن دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ، ئۆمەرنىڭ قىلىچ ئاسقان ھالدا دەرۋازا ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، دەرھال قايتىپ كىرىپ، رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلدى. قورۇ ئىچىدە ئازادە ئولتۇرۇشقانلارمۇ گۈررىدە جەم بولدى. ھەمزە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بۇ تاراق-تۇرۇقنى كۆرۈپ: «سىلەرگە نېمە بولدى؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: «ئۆمەر كەپتۇ، ئۆمەر كەپتۇ»، دېيىشتى. ھەمزە: «ئۆمەر كەلسە نېمە بوپتۇ، ئىشىكنى ئېچىڭلار، ئەگەر ياخشى نىيەتتە كەلگەن بولسا، بىزمۇ ياخشىلىق قىلىمىز، ناۋادا يامان نىيەت بىلەن كەلگەن بولسا، ئۆز قىلىچى بىلەن ئۆزىنى ئۇزىتىمىز»، دېدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچكىرىسىدە ئىدى. ئۇ ئۆمەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن تاشقىرىقى ئۆيدە ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ قىلىچ ئاسىدىغان بەل تاسمىسىدىن تۇتۇپ قاتتىق گۈشىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئى ئۆمەر! ئاللاھ سېنىڭ ھەققىڭدە ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە ھەققىدە نازىل قىلغاندەك سېنى رەسۋا قىلىدىغان ئازاب ئوقۇبەت ئايىتى نازىل قىلمىغۇچە بۇ يامان پەيلىڭدىن يانمامسەن؟ ئى ئاللاھ! مانا بۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئى ئاللاھ ئىسلام دىنىنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىلەن ئەزىزلىگىن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر: «اشھد ان لا الھ الا اللھ و اشھد ان مچمد ىبدھ و رسولھ» «مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرىدۇر، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن»، دەپ مۇسۇلمان بولدى. قورۇدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ھاياجىنىنى باسالماي «ئاللاھۇ ئەكبەر»، دەپ توۋلىۋەتتى، بۇ ئاۋازنى كەئبە ئەتراپىدا يىغىلىشىپ ئولتۇرغان مۇشرىكلارمۇ ئاڭلىدى.
ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) غۇرۇرى كۈچلۈك، كەسكىن ئادەم ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى مۇشرىكلار ئارىسىدا ئېغىر خۇرسىنىش ۋە ئوڭايسىزلىنىش كەيپىياتى پەيدا قىلدى. مۇسۇلمانلارغا بولسا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە شاد-خۇراملىق لىباسىنى كىيدۈردى.
ئىبنى ئىسھاق ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «مەن ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغاندىن كېيىن كۆڭلۈمدە مەككىلىكلەردىن رەسۇلۇللاھقا ھەممىدىن بەك ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنى تاسقاپ ئۆتكۈزدۈم، دېدىمكى: ‹ئەبۇ جەھىل رەسۇلۇللاھقا بەك ئۆچلۈك قىلىدۇ›. مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئىشىكىنى قاقتىم، ئۇ چىقىپ: ‹ئى ئۆمەر! سېنى قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى؟›، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: ‹مەن ساڭا ئۆزۈمنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىمنى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنىغا چىن پۈتۈپ، ئىشەنگەنلىكىمنى ئۇقتۇرۇپ قوياي، دەپ كەلدىم›، دېدىم. ئۇ ئىشىكنى يۈزۈمگە داققىدەك يېپىۋېتىپ: ‹يوقال! كۆزۈمدىن يوقال! خۇدا سېنىمۇ، سەن ئېلىپ كەلگەن خەۋىرىڭنىمۇ خەيرلىك قىلمىسۇن›، دېدى».
ئىبنى جەۋزىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: «مۇشرىكلار ئاۋام خەلقتىن بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا ھەممىسى ئولىشىپ ئۇراتتى. ئەمما، بىر ئادەمنىڭ ھەممە ئادەمگە تاقابىل تۇرۇشقا مادارى يەتمەيتتى. مەن (مۇسۇلمان بولغان چېغىمدا) تاغام (ئاس ئىبنى ھىشام)نىڭ قېشىغا باردىم ۋە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇۋىدىم، ئۇ جاۋاب قايتۇرمايلا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى». ئۆمەر يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاندىن يەنە قۇرەيش كاتتىلىرىدىن بىرىنىڭ قېشىغا (ئۇ ئەبۇ جەھىل بولسا كېرەك) باردىم ۋە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغانلىقىمنى دېۋىدىم، ئۇ ئۆرۈلۈپلا كىرىپ كەتتى». تارىخشۇناس ئىبنى ھىشام ۋە ئىبنى جەۋزىلەر خۇلاسىلىغان ھالدا مۇنداق دېيىشتى: «ئۆمەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن جەمىل ئىبنى مەئمەر جۇمەھى دېگەن كىشىنىڭ قېشىغا بېرىپ (ئۇ قۇرەيش خەلقى ئىچىدىكى گەپ توشۇش ماھىرى ئىدى) ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن ئاۋازى بىلەن ‹ئۆمەر مۇرتەد بولۇپتۇ›، دەپ توۋلىغىلى تۇردى. ئۆمەر (كەينىدە تۇرۇپ): ‹بۇ يالغان ئېيتىدۇ، بەلكى مەن ئىسلامغا مۇشەررەپ بولدۇم›، دەيتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئۆمەرنىڭ ئەتراپىغا دىۋەيلەپ كېلىپ، يامىشىپ ئۇردى. ھەتتا كۈن چۈش بولاي دەپ قالغانىدى. ئاخىرى ئۆمەر ھېرىپ ئولتۇرۇۋالدى. ئۇلار ئۆمەرنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرۇشاتتى. ئۆمەر ئۇلارغا: «خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر بىزنىڭ سانىمىز كۆپرەك بولغان بولسا، سىلەرنى قايىل قىلمىغۇچە بولدى قىلمايتتىم»، دېدى. مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن مۇشرىكلار ئۆمەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردى. ئىمام بۇخارى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر چاغدا ئۇ (يەنى ئۆمەر) قورۇدا بىز بىلەن بىللە ئىدى. قارىغاندا، ئۇ تازا خاتىرجەم ئەمەستەك قىلاتتى. ئۇشتۇمتۇت قورۇغا ئاس ئىبنى ۋائىل كىرىپ كەلدى. ئۇ ئۈستىگە يوللۇق رەختتە رىدا ۋە يىپەكتە كەشتىلەنگەن كۆينەك كىيىۋالغانىدى. ئۇ ئىبنى سەھمى جەمەتىدىن بولۇپ، ئەزەلدىن بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئىدى. ئۇ كىرىپلا ئاتامغا: «ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى. ئۆمەر: «سېنىڭ تەرەپدارلىرىڭ مېنى مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈنلا ئۆلتۈرمەكچىمىش»، دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، ئاس: «مۇمكىن ئەمەس، مەن ھەرگىز يول قويمايمەن»، دېدى-دە، (ئۇ مۇشۇ گەپنى قىلغاندىن كېيىن مېنىڭمۇ يۈرىكىم جايىغا چۈشتى) قورۇدىن سىرتقا چىقتى. قارىسا ئادەملەر سەلدەك ئېقىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئاس ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ: «نەگە بارىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە، ئاشۇ مۇرتەدنىڭ ئۆيىگە»، دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئاس ئۇلارغا: «مەن ئۇنىڭغا يول قويمايمەن»، دېۋىدى، ھېلىقى غەۋغاچى ئادەملەر بىر-بىرلەپ قايتىپ كېتىشتى. ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆمەرنىڭ ئەتراپىدىن سالدۇرۇلغان كىيىمدەكلا يوقىلىشتى، دېيىلىدۇ.
مانا بۇ مۇشرىكلار ئارىسىدا پەيدا بولغان داۋالغۇش ۋە مالىمانچىلىق. مۇجاھىد ئىبنى ئابباستىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتابتىن: ‹سەن نېمە ئۈچۈن فارۇق، دەپ ئاتالدىڭ؟› دەپ سورىسام، ئۇ: ‹ھەمزە مەندىن ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇسۇلمان بوپتىكەن›، دېدى. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش جەريانىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹مەن (يەنى مۇسۇلمان بولغان چېغىمدا): ‹ئى رەسۇلۇللاھ! بىز ئۆلسەكمۇ ھەقىقەت ئۈستىدە، ياشىساقمۇ ھەقىقەت ئۈستىدە ياشايمىز ئەمەسمۇ؟› دېگەنىدىم. رەسۇلۇللاھ: ‹ئەلۋەتتە شۇنداق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئۆلسەڭلارمۇ، ياشىساڭلارمۇ ھەقىقەت ئۈستىدە ئۆلۈپ تىرىلىسىلەر›، دېدى. بۇ چاغدا مەن: ‹يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ سېنى ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز چوقۇم ئاشكارىلىنىشىمىز كېرەك›، دېدىم-دە، دەرھال ئۇلارنى ئىككى سەپ قىلىپ تىزىپ، كوچىغا چىقتۇق. بىرىگە ھەمزە باش بولدى، يەنە بىرىگە مەن باش بولدۇم. ھەيۋە بىلەن قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاخىر مەسجىدكە كىرىپ ئولتۇردۇق. قۇرەيشلەر مېنى ۋە ھەمزىنى مۇسۇلمانلار سېپىدە كۆرۈپ، مىسلىسىز خۇرسىندى ۋە قاتتىق مۇسىبەتناك بولۇشتى. شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ مېنى ‹فارۇق› (ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى) دەپ ئاتاپ قويغان›، دېدى».
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆمەر مۇسۇلمان بولغانغا قەدەر كەئبە يېنىدا ئاشكارا ناماز ئوقۇشقا پېتىنالمايتتۇق».
سۇھەيب ئىبنى سىنان رومى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۆمەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلام ئاشكارا بولدى. بىز شۇنىڭدىن باشلاپ ئوچۇق ئاشكارا دەۋەت ئېلىپ بارالىدۇق، بەيتۇللاھنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، ھەلقە بولۇپ ئولتۇرالىدۇق. ئىختىيارى تاۋاپ قىلدۇق، يولسىزلىق قىلغانلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىگە رەددىيە بەردۇق».
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ: «بىز ئۆمەر مۇسۇلمان بولغاندىن بېرى قەددىمىز كۆتۈرۈلۈپ، ئەزىزلىنىپ قالدۇق»، دېگەن.
قۇرەيش ۋەكىلى رەسۇلۇللاھ بىلەن سۆھبەتلەشتى
قۇرەيش ئىچىدە تەسىرى زور بۇ ئىككى ئەزىمەت (ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ ‹ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن›) مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن مەككە ئاسمىنىدىكى زۇلۇم-سىتەم قارا تۇمانلىرى ئاستا-ئاستا تارقىلىپ، ھاۋا ئېچىلىشقا باشلىدى. مۇشرىكلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ناھەق ئازابلاپ، قىيناش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش «مەستلىك»ىدىن بىر ئاز يېشىلىپ، ھۇشىغا كېلىشكە باشلىدى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەر قانداق تەلىپى بولسا، مۇمكىن قەدەر ئورۇنلاپ ئۇنىڭ بەدىلىگە رەسۇلۇللاھ بىلەن دىنىي دەۋەتنى توختۇتۇش ھەققىدە سودىلىشىشقا ئورۇندى. بۇ (پۇل-مالنىڭ قۇلى، بىچارە) مىسكىنلەر، قۇياش نۇرىدىن بەھىر ئالىدىغان ھەر قانداق نەرسە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتى ئالدىدا پاشىنىڭ قانىتىچىلىك توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى بىلمىگەنىدى. شۇڭا، ئۇلار كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيلا قالماستىن، بەلكى تۇمشۇقىغا يېدى.
ئىبنى ئىسھاق يەزىد ئىبنى زىيادتىن، ئۇ مۇھەممەد ئىبنى كەئبىلقۇرەزىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇتبە ئىبنى رەبىيئە قۇرەيش ئىچىدە تەسىرى بىر قەدەر زور شەخس ئىدى، ئۇ بىر كۈنى قۇرەيشلەرنىڭ سورۇنىدا سۆز قىلىپ (رەسۇلۇللاھ بۇ چاغدا مەسجىدتە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇۋاتاتتى) مۇنداق دېدى: ‹ئى قۇرەيش جامائەسى! مەن مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ، سۆزلىشىپ باقاي ۋە بىر قانچە تۈرلۈك ئىشنى ئۇنىڭ ئالدىغا سالاي، ئۇ بۇلارنىڭ بىرىنى بولسىمۇ قوبۇل قىلىپ قالار، بىز ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرساق، ئاندىن ئۇمۇ بۇ دەۋىتىدىن توختار›، دېدى. بۇ ھەمزە مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغۇچىلار كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بىر مەزگىل ئىدى. ئۇلار: ‹بولىدۇ، ئى ئەبۇ ۋەلىد (ئۇتبەنىڭ كونىيتى) ئورنۇڭدىن تۇر، بېرىپ سۆزلىشىپ كەلگىن›، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇتبە ئورنىدىن تۇرۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، يۈكۈنۈپ ئەدەب بىلەن ئولتۇردى ۋە: ‹ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! سىز بىلىسىز، قەبىلە ئىچىدە ئىناۋەت ۋە ئورنىڭىز ئالاھىدە يۇقىرى، ھەسەب-نەسىبىڭىزمۇ ئۈستۈن، سىز قەۋمى-قېرىنداشلىرىڭىزغا شۇنداق بىر ئىشنى ئېلىپ كەلدىڭىزكى، ئۇنىڭ بىلەن جامائەتچىلىكنىڭ بىرلىكىنى بۇزدىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى، ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنىنى ئەيىبلىدىڭىز، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۇفرىلىق دېدىڭىز، قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇڭ، مەن بىر قانچە تۈرلۈك ئىشنى ئالدىڭىزدا قوياي، قاراپ بېقىڭ، بىرەرسى سىزگە يېقىپ قالار›، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: ‹ئېيتىڭ، ئى ئەبۇ ۋەلىد! قۇلىقىم سىزدە›، دېۋىدى، ئۇتبە: ‹ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! ئەگەر سىز بۇ ئىشلارنى مال-دۇنيانى دەپ قىلغان بولسىڭىز، بىز سىزگە كۆپلەپ مال-دۇنيا يىغىپ بېرىپ، ئارىمىزدىكى ئەڭ بايلاردىن قىلىۋېتەيلى، ئەگەر ئورنىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، سىزنى باشلىق قىلىۋالايلى، سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئالماي ئىش بېجىرمەيلى، پادىشاھ بولغۇڭىز بولسا، تاج كىيدۈرۈپ، پادىشاھ قىلايلى، ناۋادا سىزدىكى ئىللەت جىن-شەيتانلارنىڭ ئاپىتىدىن بولغان بولسا، بىز جىنكەش تەكلىپ قىلىپ، سىزگە زىمات قىلدۈرايلى. سىز سالامەت بولغۇچە قانچىلىك بەدەل تۆلىسەك ئەرزىيدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ خىلدىكى كېسەلدىن داۋالىنىپ قۇتۇلغان (ساقايغان دېدىمۇ، ھەر ھالدا شۇنىڭغا يېقىن بىر گەپنى)›، دېدى. ئۇتبە سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ توختىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹گېپىڭىز تۈگىدىمۇ؟›، دەپ سورىدى. ئۇتبە: ‹ھەئە، تۈگىدى›، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: ‹ئەمدى مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭ›، دېدى. ئۇتبە: ‹ئەلۋەتتە ئاڭلايمەن›، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹﴿بسم اللھ الرچمن الرچيم ○ چم○ تنزيل من الرچمن الرچيم○ كتاب فپلت اياتھ قرژنا ىربيا لقوم يىلمون○ بشيرا و نۇيرا ج فاىرگ اكڭرھم فھم لا يسمىون ○ و قالوا قلوبنا في اكنە مما تدىونا اليھ …﴾ «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن○ ھامىم ○ بۇ ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (ۋەھىيدۇر) ○ ئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان كىتابتۇر، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن نازىل بولغان ئەرەبچە قۇرئاندۇر ○ (مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن ) خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر، (كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار)نىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى پىكىر قىلىشتىن) يۈز ئۆرىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمايدۇ.
○ ئۇلار (پەيغەمبەرگە): ‹بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە (يەنى دىنىي جەھەتتە ئوخشىماسلىق) بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى، دەيدۇ …» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى، ئاندىن سۈرە سەجدىنىڭ باش قىسمىنى ئوقۇپ بېرىشكە باشلىدى. ئۇتبە رەسۇلۇللاھنىڭ تىلاۋىتىنى ئاڭلاپ، جىمجىتلىققا چۆمۈپ كەتتى. ئۇ ئىككى قولى بىلەن كەينىگە تايىنىپ، قىرائەتنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتىدە داڭ قېتىپ قالغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مۇشۇ سۈرىدىكى سەجدە ئايىتىگە بېرىپ، سەجدە قىلدى، ئاندىن: ‹ئاڭلىدىڭمۇ، ئى ئەبۇ ۋەلىد، ئاڭلىغان بولساڭ ئەھۋال مانا مۇشۇ›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇتبە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز ئادەملىرىنىڭ قېشىغا ماڭدى، ئۇنىڭغىچە ئۇلار بىر-بىرىگە: ‹قەسەم قىلالايمىزكى، ئەبۇ ۋەلىد چوقۇم ئۆزگىرىپ كەلدى›، دېيىشىپ ئولتۇرۇشقانىدى. ئۇتبە كېلىپ ئولتۇرۇۋىدى، ئۇلار: ‹قانداق خۇش خەۋەر كۆتۈرۈپ كەلدىڭ؟ ئى ئەبۇ ۋەلىد ئېيتقىن›، دېگىلى تۇردى، ئۇتبە: ‹مېنىڭ ئېلىپ كەلگىنىم، ئەزبىرايى خۇدا، قەتئىي ئاڭلاپ باقمىغان بىر خىل تەسىرلىك سۆزلەر. ئەزبىرايى خۇدا، ئۇ شېئىرمۇ ئەمەس، سېھىرمۇ ئەمەس ۋە جىنكەشلىكمۇ ئەمەس، ئى قۇرەيش خەلقى مېنىڭ گېپىمگە ئۇناڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار، بۇ ئادەمنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بايام ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان سۆزلەر چوقۇم زور بىر ۋەقە پەيدا قىلىدىكەن، ئەگەر ئۇنى باشقىلار (مەككىلىكتىن باشقا ئەرەبلەر — ت.) بىر تەرەپ قىلىۋەتسە، خوپ ياخشى ئىش، ئىش باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ، سىلەرنىڭ بېشىڭلار ساقىيىدۇ، ناۋادا ئۇ پۈتۈن ئەرەبلەرگە باش بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ غەلىبىسى سىلەرنىڭ غەلىبەڭلار ۋە ئۇنىڭ ئىززىتى سىلەرنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىڭلار، تېخى سىلەر ئاشۇ كىشىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئەڭ سائادەتمەنلەردىن بولۇپ كېتەمسىلەر، ئۇنى كىشى بىلمەيدۇ›، دېۋىدى، ئۇلار: ‹ئەزبىرايى خۇدا، مۇھەممەد سېنى تىلى بىلەن ئۆزىگە بەنت قىلىۋېتىپتۇ›، دېيىشتى. ئۇتبە ئۇلارغا: ‹بۇ مېنىڭ قارىشىم، سىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارىڭلار، نېمە قىلساڭلار، ئۆز ئىشىڭلار، مېنىڭ كارىم يوق›، دېدى.
يەنە بىر رىۋايەتتە، ئۇتبە رەسۇلۇللاھنىڭ تىلاۋىتىنى ئاڭلاپ، مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتكەنىدى. بىر چاغدا رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ ﴿فقل انۇرتكم پاىقە مڭل پاىقە ىاد و ڭمود…﴾ «(ئەگەر ئۇلار بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن يۈز ئۆرىسە) سەن ئۇلارغا: سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن، دېگىن» («قۇرئان كەرىم41- سۈرە 13 - ئايەت) دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلىۋىدى، ئۇ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋېلىپ: ‹خۇدا ھەققى، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنىڭ ھۆرمىتى!› دېدى.
ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى بايامقى ئايەتتە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب ھېلى چۈشۈپ قالامدىكىن، دەپ قاتتىق ئەنسىرىگەنلىكىدىن ئىدى. ئۇ يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن كېيىن قۇرەيش جامائەتچىلىكىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئالدىنقى سۆزنى قىلدى، دېيىلىدۇ.
ئەبۇ تالىب بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتەللىپ جەمەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلدى
ۋەزىيەت بىر ئاز ياخشىلىنىپ، شەرت-شارائىت ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەبۇ تالىب يەنىلا ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئوغلىدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ ئالدىنقى مەزگىلدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ ئېسىگە ئالدىكى، ئۇلار ئاۋۋال ئوچۇقتىن ئوچۇق ئەبۇتالىپقا ئۇرۇشىمىز، دەپ تەھدىت سالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قېرىندىشىنىڭ ئوغلىنى ئەممارە ئىبنى ۋەلىدقا تېگىشىپ بەرگىن، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، دەپ سودىلاشماقچى بولدى، ئەبۇ جەھىل چوڭ بىر تاشنى كۆتۈرۈۋېلىپ: «مۇھەممەدنىڭ كاللىسىنى مىجىۋېتىمەن» دەپ كەلدى، ئۇقبە ئىبنى ئەبى مۇئەيت رەسۇلۇللاھنىڭ گېلىنى رىداسى بىلەن بوغۇپ، ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاسلا قويدى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئاللاھ ئۇنىڭغا ھىدايەت بەرمىگەن بولسا) ئۆيىدىن قىلىچىنى شىمايلاپ، بۈگۈن مۇھەممەدنى چۇقۇم ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، دەپ چىققانىدى… ئەبۇ تالىب بۇ بىر قاتار ئىشلارنى ھەر بىر ئويلىسا، ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر قارا كۆلەڭگە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولاتتى- دە، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى سىقىلىپ، كۆڭلى باشقىچىلا بولۇپ قالاتتى ۋە مۇشرىكلار ئۇنىڭ ھىمايىسىنى كۆزگە ئىلماي، ھامان قېرىندىشىنىڭ ئوغلىنى قەستلەپ، ئۆلتۈرۈش كويىدا بولۇشى، تاسادىپىي قارا نىيەت ئەبلەخلەردىن بىرسى تۇيۇقسىز قول سېلىپ، قېرىندىشىمنىڭ ئوغلىنى نابۇت قىلىۋەتسە، ئۆمەر، ھەمزىلەرمۇ ۋە ياكى باشقىلارمۇ ئامالسىز قېلىشى مۇمكىن… دېگەن ئويلارنى ئويلاپ، باش ئاخىرى يوق غەمگە پاتاتتى ۋە بىر ھازا ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئەبۇ تالىبنىڭ كاللىسىدا يۇقىرقى قاراش مۇقىمدىلىپ قالدى، ئۇنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا ئىدى، شۇ ئەسنادا مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئاشكارا قارار قىلىشقانىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قارارىغا ئاللاھ قۇرئاندا ﴿ام ابرموا امرا فانا مبرمون﴾ «ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامغا سۇيىقەست قىلىشتا) بىر ئىشنى قارار قىلغان بولسا، بىز (مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامغا) ياردەم بېرىشتە بىر ئىشنى قارار قىلىمىز» (سۈرە زۇخرۇف 79- ئايەت) دەپ ئىشارەت بەردى. بۇنداق ئەھۋالدا ئەبۇ تالىب قانداق قىلىشى كېرەك؟!
ئۇ قۇرەيش دائىرىلىرىنىڭ ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئوغلىغا قارشى جامائەت پىكرى توپلاپ، قارا كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چوڭ بوۋىسى ئابدۇمانافنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بەنى ھاشىم جەمەتى بىلەن بەنى مۇتەللىپ جەمەتىنى يىغىپ سۆز قىلدى ۋە ئۇلارنى ئۇ ھازىر دۇچ كەلگەن قېرىندىشىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام)نى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا خەۋپ-خەتەر يېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى. نەتىجىدە ئۇنىڭ چاقىرىقىغا بۇ ئىككى جەمەتنىڭ مۇسۇلمانلىرىمۇ، كاپىرلىرىمۇ، ئەرەب ئۇرۇقداشلىقى ۋە تەرەپبازلىق ئەسەبىيىتى بىلەن ئاۋاز قوشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت ئەبۇ لەھەبلا بۇ تەكلىپكە قوشۇلماي قۇرەيش تەرەپتە تۇردى.
قۇرەيش دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئىككى جەمەتكە جازا يۈرگۈزگەنلىكى
مۇشۇ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە مۇشرىكلارغا نىسبەتەن زور ۋەقەلەردىن ئارقا-ئاقرىدىن مۇنداق تۆت ۋەقە يۈز بەردى. ھەمزە مۇسۇلمان بولۇۋالدى، ئارقىدىنلا ئۆمەر مۇسۇلمان بولۇپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ بولسا ئۇلارنىڭ تەكلىپ لايىھىسىگە قوشۇلماي سودىلىشىشنى رەت قىلدى. ئەمدىلىكتە بولسا، بەنى ھاشىم جەمەتى بىلەن بەنى مۇتەللىپ جەمەتى مۇسۇلمان ياكى غەيرى مۇسۇلمان دەپ ئايرىلماي ھەممىسى مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام)نى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇنى جان تىكىپ قوغداشقا قەسەمياد قىلىشتى. مۇشرىكلار بۇ تەرەققىياتلاردىن ھەيران قېلىشتى. ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قېلىشقا تېگىشلىك ئىش بولدى. چۈنكى، ئۇلار ناۋادا مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، مەككە ۋادىسى قانغا تولۇپ ئاقىدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇلار ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، تۈگىشىش مۇمكىنچىلىكىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا، ئۇلار بۇ ئاقىۋەتلەرنى ئويلاپ بىۋاسىتە قانلىق ئۇرۇشۇش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى باشقىچە بىر خىل ئۇسۇل بىلەن جازالاشقا تۇتۇش قىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇسۇلى ئىلگىرىكىدىن قەبىھ ھەم رەزىل ئىدى.
چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم-سىتەم ئەھدىنامىسى
قۇرەيش دائىرىلىرى ۋادى مەھەسسەب (يەر نامى)تىكى بەنى كەنانە يىغىن مەركىزىگە يىغىلىپ، بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتەللىپ جەمەتلىرى مۇھەممەد(ئەلەيـھىسسالام)نى بىزگە ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمىگىچە، بۇ ئىككى جەمەت بىلەن تويلاشماسلىق، سودا-سېتىق قىلماسلىق، ئۆزئارا ئۇچرىشىپ ئارىلاشماسلىق، باردى-كەلدى قىلماسلىق ۋە ئۆيلىرىگە كىرىپ چىقماسلىق، ھەتتا سالام-سىھەت قىلماسلىققا قەسەمياد قىلىشتى ۋە مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس بىر ئەھدىنامە ماقۇللاپ، بەنى ھاشىم جەمەتىدىن قەتئى سۈلھى (يارىشىش) قوبۇل قىلمايمىز ۋە مۇھەممەد(ئەلەيـھىسسالام)نى رازىمەنلىك بىلەن ئۆلۈمگە تاپشۇرمىغۇچە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتمايمىز، دەپ ھۆججەت ئىمزالاشتى. ئىبنى قەييۇم مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھۆججەتنىڭ تېكىستىنى مەنسۇر ئىبنى ئىكرەمە ئىبنى ئامىر ئىبنى ھاشىم يازغان ۋە يەنە بىر رىۋايەتتە نەزر ئىبنى ھارىس يازغان دېيىلىدۇ. سەھىھ رىۋايەت شۇكى، ئۇنى بەغىز ئىبنى ئامىر ئىبنى ھاشىم دېگەن كىشى يازغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا دۇئا قىلغانىدى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ قولى قۇرۇپ قالغان.
مەزكۇر توختامنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن كەئبىنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈۋرۈككە ئېسىپ قويۇلدى ۋە شۇ كۈنى يەنى بىئسەتنىڭ 7- يىلى مۇھەررەم ئېيى كۆرۈنگەن كېچىسى بەنى ھاشىم جەمەتى بىلەن بەنى مۇتەللىپ جەمەتىنىڭ ئادەملىرى مۇسۇلمان كاپىر ھەممىسى (ئەبۇ لەھەبتىن باشقىسى)ئايرىلىپ، مەككىدىكى ئەبۇ تالىب جىلغىسىغا قامال قىلىندى.
ئەبۇ تالىب جىلغىسىدىكى ئۈچ يىل
قامال قىلىش قاتتىق كۈچىيىپ كەتتى. ئۇلاردىن ئاشلىق ۋە باشقا ئوزۇق-تۈلۈكلەر ئۈزۈپ تاشلاندى. مۇشرىكلار (مەككىگە كىرگەن ئاشلىق ۋە باشقا ماددىي ئەشيالارنى قويماي سېتىۋالغانلىقتىن، قىيىنچىلىق شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ئۇلار دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماق-غازاڭلىرىنى ۋە تېرە-كىرگەتلەرنى يېيىشكە مەجبۇر بولدى ھەتتا قىز-خوتۇنلارنىڭ ۋە نارەسىدە بوۋاقلارنىڭ ئاچلىقتىن نالە-پەرياد قىلىشلىرى جىلغىنىڭ كەينىدىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇلارغا يەتكۈزىلىدىغان تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، خىش-ئەقرىبالار ياكى ئىنسانپەرۋەر كىشىلەر تەرىپىدىن ئىنتايىن مەخپىي رەۋىشتە يەتكۈزۈلەتتى. مۇھاسىرىگە ئېلىنغانلار بولسا ئېھتىياجلىق نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پەقەت ھارام ئايلاردىلا قامالدىن بوشىناپ چىقالايتتى. چىققاندىمۇ مەككىنىڭ سىرتىغا چىقىپ سېتىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. چۈنكى، مۇشرىكلار مەككە ئىچىدە مۇشۇ ئىككى جەمەتتىن بىر كىشى نەرسە سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇلارنى ئالدۇرماسلىق ئۈچۈن سودىسىغا تۆپىلەپ پۇل قېتىپ، ماتانىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتەتتى.
ھەكىم ئىبنى ھىزام ھامماچىسى خەدىچە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا)گە پات-پات ئانچە-مۇنچە بۇغداي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇراتتى. بىر قېتىم ئەبۇ جەھىل ئۇچراپ قېلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالدى ۋە ئۇنى بۇ ئىشتىن چەكلىمەكچى بولغانىدى. ئەبۇلبەختەرى دېگەن كىشى ئارىغا چۈشۈپ، مىڭتەسلىكتە ھەكىمنى ھېلىقى بۇغداينى ھامماچىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. ئەبۇ تالىب يۇقىرىقى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتقاندىن سىرت رەسۇلۇللاھتىن خاتىرجەم بولالمايۋاتاتتى. ئۇ ھەر كۈنى كەچ كىرىپ كىشىلەر ئۆز كەپىلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغاندا (رەسۇلۇللاھقا سۇيىقەست قىلىش مەقسىتى بارلارنى باپلاش ئۈچۈن) ئۇنى ئۆز ئورنىغا بېرىپ يېتىپ قېلىشقا بۇيرۇيتتى. قاراڭغۇ چۈشۈپ ئەلئايىغى جىمىققاندا بولسا ئوغۇللىرىدىن بىرنى ياكى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن بىرنى ۋە ياكى بىر نەۋرە ئىنىلىرىدىن بىرنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئورنىدا ياتقۇزۇپ قويۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئۇنىڭ ئورنىغا بېرىپ يېتىشقا بۇيرۇيتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان مۇسۇلمانلار ھەج مەۋسۇمى مەزگىللىرىدە قامالدىن بوشىنىپ چىقالايتتى ۋە شۇندىلا ئاندىن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلالايتتى. يەنە مۇشۇ ئازغىنا كۈنلەردىكى دەۋەت جەريانىدىمۇ ئەبۇ لەھەبنىڭ نېمىلەرنى قىلىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئالدىنقى بابلاردا زىكرى قىلدۇق. (تەپسىلىي جەريانىنى شۇ يەردىن كۆرۈۋالغايسىلەر).
يولسىز ئەھدىنامىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى
تولۇق ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. ۋەزىيەت يەنىلا مۇسۇلمانلارغا پايدىسىز ھالدا داۋاملاشماقتا ئىدى. بىئسەتنىڭ 10- يىلى مۇھەررەم ئېيىدا ھېلىقى تەڭسىز ئەھدىنامە ھۈججىتى بىردىنلا يىرتىپ تاشلىنىپ، ئىتتىپاق بۇزۇلدى . ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق بولدى: قۇرەيش خەلقى ئىچىدە مەزكۇر شەرتنامىگە نىسبەتەن رازى بولغۇچىلارمۇ، نارازى بولغۇچىلارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نارازى بولغۇچىلار مەزكۇر ھۆججەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا قول قويغۇچى «ئىتتىپاق»نى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن يول ماڭدى.
بۇ ئىشنى باش بولۇپ ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى ئامىر ئىبنى لۇئەي جەمەتىدىن ھىشام ئىبنى ئەمر دېگەن كىشى ئىدى. (ئۇ بەنى ھاشىم جەمەتى قامالدا قالغان مەزگىللەردە ئۇلارغا كېچىلىرى يوشۇرۇن ئاش-تاماق يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇراتتى) ئۇ بىر كۈنى زۇھەير ئىبنى ئەبۇ ئۇمەييە مەخزۇمى (ئۇنىڭ ئانىسى ئاتىكە ئەبۇ تالىبنىڭ ھەمشىرىسى ئىدى)نىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئى زۇھەير، سەن تويغۇچە يەپ، قانغۇچە ئىچىپ ئۆتۈشكە رازىمۇ، ھالبۇكى سېنىڭ تاغىلىرىڭنىڭ ئەھۋالى ئاشۇنداق تۇرسا؟!» دېدى. زۇھەير ئۇنىڭغا: «ھەي سېنى، مەن نېمە قىلالايتتىم، مەن دېگەن بىر ئادەم تۇرسام؟ ئەمما مەن بىلەن يەنە بىر ئادەم بىللە بولغان بولسا، ئەزبىرايى خۇدا چوقۇم ئاشۇ تەڭسىز شەرتنامىنى بىكار قىلىشقا تىرىشىپ كۆرەتتىم»، دېدى. ھىشام: «ئۇنداق بولسا، سەن بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئادەمنى تېپىپ بولدۇڭ»، دېدى، زۇھەير: «ئۇ كىم؟» دەپ سورىدى. ھىشام: «ئۇ مەن»، دەپ جاۋاب بەردى. زۇھەير ئۇنىڭغا مەمنۇن بولغان ھالدا: «يەنە بىر ئادەم ئىزلەپ تاپقىن»، دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ھىشام مۇتئىم ئىبنى ئەدىينىڭ قېشىغا باردى ۋە ئۇنىڭغا ئابدۇمانافنىڭ پۇشتى بولغان بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتەللىپ جەمەتلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئەسلەتتى ۋە ئۇنىڭ بىر ئەقىل ئىگىسى تۇرۇپ، قۇرەيشلەرنىڭ مۇشۇ زۇلۇمىغا رازى بولۇپ تۇرغانلىقىغا تاپا-مالامەت قىلدى. مۇتئىم ئۇنىڭغا: «ھەي سېنى، مەن نېمە قىلالايتتىم؟ مەن دېگەن بىرلا ئادەم تۇرسام»، دېدى. ھىشام: «ئىككىنچىسىنىمۇ تاپالايسەن»، دېۋىدى، مۇتئىم: «ئۇ كىم؟» دەپ سورىدى. ھىشام: «مەن»، دەپ جاۋاب بەردى، مۇتئىم: «ئۇنداق بولسا ئۈچ بولايلى، يەنە بىرىنى ئىزلەپ باققىن»، دېۋىدى، ھىشام: «تېپىپ بولدۇم»، دەپ جاۋاب بەردى. مۇتئىم: «ئۇ كىم؟» دەپ سورىۋىدى، ھىشام: «زۇھەير ئىبنى ئەبۇ ئۇمەييە»، دەپ جاۋاب بەردى، مۇتئىم: «ئەمىسە تۆت بولسۇن، يەنە بىرىنى ئىزلەپ باققىن»، دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەبۇلبەختەرى ئىبنى ھىشامنىڭ قېشىغا باردى ۋە ئۇنىڭغىمۇ مۇتئىمغا دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى. ئەبۇلبەختەرى: «بۇ ئىشقا ئاۋاز قوشىدىغان بىرەر ئادەم چىقارمۇ؟» دەپ سورىغانىدى، ھىشام: «ھەئە، ئەلۋەتتە چىقتى»، دەپ جاۋاب بەردى. ئەبۇلبەختەرى: «ئۇ كىم؟» دەپ سورىۋىدى، ھىشام: «زۇھەير ئىبنى ئەبۇ ئۇمەييە، مۇتئىم ئىبنى ئەدىي ۋە مەن»، دېدى. ئەبۇلبەختەرى: «بۇنداق بولسا، يەنىمۇ ئىزلەپ كۆرگىن، سانىمىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى»، دېدى.
بۇنىڭ بىلەن ھىشام زەمئە ئىبنى ئەسۋەد (ئىبنى مۇتەللىپ ئىبنى ئەسەت)نىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا شۇ ھەقتە گەپ قىلدى. ئاشۇ جازاغا ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بولغان يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئەسلىتىپ، زىممىسىدىكى ھەقلەرنى زىكرى قىلىۋىدى، زەمئە: «سەن دەۋاتقان بۇ ئىشنى قوللايدىغان بىرەر ئادەم بارمىدۇ؟» دېدى، ھىشام: «ھەئە، ئەلۋەتتە بار»، دەپ ئۇنىڭغا يۇقىرىقىلارنى زىكرى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەجۇن دېگەن جايغا يىغىلىپ، ئاشۇ زوراۋانلار ئىتتىپاقىنىڭ ھۈججىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشقا كېلىشتى ۋە بۇنى تۇنجى بولۇپ زۇھەير ئوتتۇرىغا قويماقچى بولدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە ھەممەيلەن قۇرەيش كىشىلىرى بىلەن ئادەتتىكىدەك ئۆز سورۇنلىرىغا جەم بولۇشتى. زۇھەير ئۇچىسىغا ئېسىل بىر تونىنى كىيىپ كېلىپ، بەيتۇللاھ (كەئبە) نى يەتتە قېتىم تاۋاف قىلدى، ئاندىن توپقا قاراپ: «ئى مەككە خەلقى! بىز قورسىقىمىز توق، كىيىمىمىز پۈتۈن يۈرۈۋاتىمىز، بەنى ھاشىم جەمەتى ئىختىيارى ھالدا يا ئالالماي، يا ساتالماي ھالاك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۈگۈن ئاشۇ ناھەق يولسىز شەرتنامە يىرتىلىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغۇچە سورۇنۇڭلاردا ئولتۇرمايمەن»، دېدى.
ئەبۇ جەھىل (مەسجىدنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئولتۇرۇۋاتاتتى) زۇھەيرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ: «يالغان، كاپشىما! ئەزبىرايى خۇدا، ئۇنى ھەرگىز يىرتىپ تاشلاشقا بولمايدۇ»، دېدى. زەمئە ئىبنى ئەسۋەد ئورنىدىن تۇرۇپ: «سەن كاپشىما، بىز باشتىن ئاخىر ئۇنىڭ پۈتۈلىشىگە نارازى ئىدۇق»، دېدى. ئەبۇلبەختەرى يەنە بىر تەرەپتىن قوپۇپ: «زەمئە راست ئېيتىدۇ، بىز ئۇنىڭغا نارازى ھەم قەتئىي قوشۇلمايمىز»، دېدى. مۇتئىم ئىبنى ئەدىي يەنە بىر بۇلۇڭدىن ئاۋاز كۆتۈرۈپ: «سىلەر ئىككىڭلارنىڭ دېگىنى توغرا، غەيرى قاراشتا بولغانلار يالغان ئېيتىدۇ، بىز بۇ شەرتنامە ۋە ئۇنىڭ ماددىلىرىغىچە تونۇمايمىز، خۇدا ئالدىدىمۇ چىكارىگە بولىمىز»، دېدى ۋە ھىشام ئىبنى ئەمرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر گەپلەرنى قىلىپ، تەرەپ-تەرەپتىن ئاۋاز چىقىپ كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ جەھىل ھەيران قېلىپ: «بۇ چوقۇم مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەشكىللىك ئىش ئىكەن»، دېدى.
بۇ چاغدا ئەبۇ تالىبمۇ مەسجىدنىڭ بىر چېتىدە ئولتۇراتتى. شۇ كۈنلەردە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا شەرتنامە ھۆججىتى توغرىلىق ۋەھىي نازىل قىلىپ، ھۆججەتنىڭ قەغىزىگە قۇرت چۈشۈرۈپ، «ئاللاھ» دېگەن خەتتىن باشقا زوراۋانلىق، زىيانكەشلىك ۋە ناھەقچىلىك ماددىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئويغاندەكلا يەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىبقا ئېيتقانىدى. شۇڭا، ئۇ بۇ خەۋەرنى قانداق قىلىپ مەيدانغا چىقىرىش ئويىدا بۇ يەرگە كەلگەن. ئەبۇ تالىب بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپلا، قۇرەيشلەرنىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە : «مېنىڭ قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى ماڭا مۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى، ئەگەر ئۇ يالغان سۆزلىگەن بولسا، بىز ئۇنى سىلەر(نىڭ «ئۆلۈم جازا»سى بېرىشىڭلارغا) تاپشۇرىمىز، ناۋادا راست چىقسا، بىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان جازانى بىكار قىلىسىلەر، قانداق؟» دېدى. قۇرەشلەرمۇ توغرا دېدىڭ، ئىنساپ بىلەن گەپ قىلدىڭ»، دېيىشتى.
ئەبۇ جەھىل بىلەن ھېلىقى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بىر قۇر تالاش-تارتىشلار بولغاندىن كېيىن مۇتئىم ئىبنى ئەدىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ھېلىقى شەرتنامە قەغىزىنى قولىغا ئېلىۋىدى، قۇرتنىڭ ھۆججەتتىكى «بسمك اللھم» «ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن باشلايمەن» دېگەن كەلىمە ۋە ئاللاھنىڭ ئىسمىدىن باشقا خەت ئىزناسى قويماي ھەممە يەرنى يەۋەتكەنلىكى بايقالدى. نەتىجىدە مۇشۇ كۈندىن ئىتىبارەن ھۆججەت ئەمەلدىن قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ۋە ئۇنىڭ جىلغىغا قامالغان ئىككى جەمەت كىشىلىرى ئەركىنلىككە چىقتى. مۇشرىكلار مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ «پەيغەمبەرلىك» ئالامەتلىرىدىن ئەڭ كاتتا بىر مۆجىزىنى كۆردى، لېكىن ئۇلار ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتقاندەك، ﴿و ان يروا كل ايە يىرگوا و يقولوا سھر مستمر﴾ «(قۇرەيش كۇففارلىرى بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر، دېيىشىدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە قەمەر 2- ئايەت) دەپ خەۋەر قىلغىنىدەك، بۇ مۆجىزىدىنمۇ يۈز ئۆرۈشتى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن «سوغۇق سۇ يەنە ئۆز ئەكسىنى تارتتى»، ئۇلارنىڭ كونا كېسىلى ئەدىپ، كۇفرى ئۈستىگە كۇفرى قوشۇلۇپ، چېكىدىن ئاشقان كاپىرلاردىن بولۇپ يۈرىۋەردى.
قۇرەيش ئەلچىلىرىنىڭ ئەبۇ تالىب بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇچرىشىشى
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام قامالدىن بوشىنىپ چىقتى ۋە بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە دەۋەت ئىشىنى باشلىۋەتتى. قۇرەيش تەرەپ گەرچە جازانى بىكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مۇسۇلمانلارغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە دىندىن چەكلەش زومىگەرلىكىنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. ئەمما، ئەبۇ تالىب ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئوغلىنى گويا كۆز قارچۇغىنى قوغدىغاندەك قوغداۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېشى سەكسەندىن ھالقىغانىدى ۋە مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ بېشىغا ئارقىمۇئارقا كەلگەن چوڭ-كىچىك دەرت ئەلەملەر (بولۇپمۇ جىلغا مۇھاسىرىسى) ئۇنىڭ بەدىنىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بېلىنى رۇسلىيالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا، ئۇ جىلغا مۇھاسىرىسىدىن بوشانغىلى بىر قانچە ئاي بولمايلا، ئۇشتۇمتۇت كېسەل تېگىپ، ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى ۋە بارا-بارا ئېغىرلىشىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا مۇشرىكلار: «ناۋادا ئەبۇ تالىب ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ جىيەن ئوغلىغا بىر ئىش بولۇپ قالسا، ئەرەبلەر ئارىسىدا سەت نام كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن قورقۇپ، ئەبۇ تالىبنىڭ كۆز ئالدىدا رەسۇلۇللاھ بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىشكە ئۇرۇندى ۋە ئىلگىرى قايىل بولماي كەلگەن بەزى مەسىلىلەردە يول قويماقچى بولۇشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق «ئەلچىلەر ئۆمىكى» تەشكىللەپ، ئەبۇ تالىبنىڭ قېشىغا كىرگۈزدى.
ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ تالىب ئاغرىپ قېلىپ، ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغانلىقى قۇرەيش دائىرىلىرىغا يېتىۋىدى، ئۇلار ئۆزئارا پىكىرلىشىپ: ‹ئۆمەر بىلەن ھەمزە مۇسۇلمان بولۇپ كېتىپ، مۇھەممەدنىڭ ئىشى قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە تارقالدى، شۇڭا بىز ئەبۇ تالىب قېشىغا بارايلى، ئۇ قېرىندىشىنىڭ ئوغلىدا بولسا تۈزەتسۇن، بىزدە بولسا، بىز تۈزىتەيلى، ئەزبىرايى خۇدا بىز ئۇلارنىڭ قولىمىزدىكى ھوقۇقىمىزنى تارتىۋېلىشىدىن ئەمىن بولالمايمىز›، دېيىشتى». يەنە بىر ئىبارىدە: «بۇ قېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلىغا بىر ئىش بولۇپ قالسا، ئەرەبلەر بىزنى ئەيىبلەپ: ‹ئۇلار مۇھەممەدنى ئۆز ۋاقتىدا بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، ئەمدى تاغىسى ئۆلگەن ھامان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى›، دەپ گەپ تېپىشىدىن قورقىمىز›، دېيىشتى»، دېيىلگەن.
ئۇتبە ئىبنى رەبىئە، شەيبە ئىبنى رەبىيئە، ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام، ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ۋە ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب قاتارلىق چوڭ كاتتىۋاشلار ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن بولۇپ، نەچچە ئون كىشى (ئۇلار تەخمىنەن 25 تەك ئادەم ئىدى) ئەبۇ تالىبنىڭ قېشىغا كىرىپ گەپ تەشتى: «ئى ئەبۇ تالىب! ھەممىمىزگە مەلۇم، سەن بىزنىڭ پىشقەدەم ئەربابىمىز، ساڭا بۇ رەھىمسىز كېسەل چاڭگال ساپتۇ، سېنىڭدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمىز، جىيەن ئوغلۇڭ بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى ئىختىلاپنى سەن بىلىسەن، شۇڭا سەن ئۇنى چاقىرتىپ، بىزدە بولسا ئوچۇق تۈزىتىپ قويغىن، بىز تۈزىتەيلى، ئۇنىڭدا بولسا ئۇ تۈزەتسۇن، ئۇمۇ بىزگە چېقىلمىسۇن! بىزمۇ ئۇنىڭغا چېقىلمايلى! ئۇمۇ بىزنىڭ دىنىمىزنى ئەيىبلىمىسۇن، بىزمۇ ئۇنىڭ دىنى بىلەن كارىمىز بولمايلى»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ تالىب رەسۇلۇللاھقا ئادەم ئەۋەتىپ، چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا: «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! بىلىسىز، ئولتۇرغانلار ئۆز قەۋمى-جامائىتىمىزنىڭ كاتتىلىرى، ئۇلار بەزى ئىشلاردا سىزگە يول قويماقچى ۋە بەزى ئىشلاردا سىزنى توسىماقچى بولۇپ كەپتۇ»، دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا قۇرەيش ئەلچىلىرى ئۇ كېلىشنىڭ ئالدىدا ئېيتقانلىرىنى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە چېقىلماسلىق تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «قاراڭلار! مەن سىلەرگە بىر جۈملە سۆزنى توغرا قىلاي، ئەگەر ئۇنى قوبۇل قىلساڭلار، ئەرەبلەرگە شاھ بولۇسىلەر، ئەجەملەر (غەيرى ئەرەبلەر) سىلەرگە ئەل بولىدۇ»دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە، رەسۇلۇللاھ ئەبۇ تالىبنىڭ ھېلىقى سۆزىگە جاۋابەن: «مەن ئۇلارنى مۇنداق بىر جۈملە سۆزگە كېلىشىنى ئىرادە قىلىۋاتىمەن، ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلسا، پۈتۈن ئەرەبلەر ئۇلارغا بويسۇنىدۇ ۋە ئەجەملەر باج-جاساق تاپشۇرىدۇ»، دېدى. ئۈچىنچى بىر ئىبارىدە، رەسۇلۇللاھ ئەبۇ تالىبقا: «ئى تاغا! سىز ئۇلارنى ئۇلارغا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر سۆزگە دەۋەت قىلسىڭىز بولمامدۇ؟» دېگەن. ئەبۇ تالىب رەسۇلۇللاھقا: «ئۇلارنى نېمىگە دەۋەت قىلىسىز؟» دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنى پۈتۈن ئەرەبلەرگە خوجايىن بولالايدىغان، ئەجەملەرنى ئەل قىلالايدىغان بىر سۆزنى دېيىشكە دەۋەت قىلىمەن»، دېگەن ۋە ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «سىلەر مۇنداق بىر جۈملە سۆزگە بىرلىككە كەلسەڭلار، پۈتۈن ئەرەبلەرگە خوجايىن بولىسىلەر، ئەجەملەرمۇ ئەل بولىدۇ»، دېگەن. رەسۇلۇللاھ بۇ گەپنى دېگەندىن كېيىن ئۇلار جىمىپلا قېلىشقان ۋە پايدىسى مۇنچە كۆپ بىر ئېغىز گەپنى رەت قىلىشنى بىلەلمەي، ھەيران بولۇشقان. ئاندىن ئەبۇ جەھىل: «قايسى سۆز ئۇ؟ ئاتاڭ بىلەن قەسەمكى، ھېلىغۇ بىر ئىكەن، ئون كەلىمە بولسىمۇ دەيمىز، سەن بىلەن بىرلىككە كېلەلەيمىز»، دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «لا الھ الا اللھ» «بىر ئاللاھتىن باشقا مەئبۇد بەرھەق يوق) دەيسىلەر ۋە ئاللاھتىن باشقا مەئبۇدلارنى قەتئىي تاشلايسىلەر»، دېگەندە، ئۇلار قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ: «ئى مۇھەممەد! سەن بىزنىڭ بىر قانچە ئىلاھىمىزنى بىر ئىلاھ قىلىپ بەرمەكچىمۇ؟ سېنىڭ بۇ ئىشىڭ ئەجەب قىزىق ئىشكەن»، دېيىشكەن.
ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا قىلىشقان سۆزىدە: «ئەزبىرايى خۇدا، بۇ ئادەم بىز كۆزلىگەن نىشانلارنىڭ ھېچ بىرىگە كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا، ھەممىمىز قايتىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىغا چىڭ ئېسىلىپ ماڭايلى، ئاللاھ بىر كۈنى بىز بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ قويار، دېيىشىپ تاراپ كېتىشتى. دەل مۇشۇلار ھەققىدە تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى: ﴿پ ○ والقران ۇۈ الۇكر○ بل الۇين كفروا في ىزە و شقاق○ كم اھلكنا من قبلھم من قرن فنادوا و لات چين مناپ○ و ىجبوا ان جاءھم منۇر منھم ز و قال الكافرون ھۇا ساچر كۇاب○ اجىل الالھە الھا واچدا ج ان ھۇا لشيء ىجاب○ وانطلق الملامنھم ۆن امشوا واپبرو ىلۈ الھتكم إن ھۇا لشيء يراد ○ ما سمىنا بھۇا فۈالملە الاخرە إن ھۇا الاّ اختلاق﴾ «ساد، شانلىق قۇرئان بىلەن قەسەمكى، ( بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن مۆجىزىدۇر)، بەلكى، كاپىرلار ئىماندىن باش تارتماقتا ۋە (رەسۇلۇللاھقا) مۇخالىپەتچىلىك قىلماقتا. ئۇلاردىن ئىلگىرى (كۇفرى تۈپەيلى) نۇرغۇن ئۇممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار (ئازابنى) كۆرگەندە پەرياد قىلدى، ھالبۇكى (بۇ) قاچىدىغان ۋاقىت ئەمەس. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلگەنلىكىگە ئۇلار ھەيران قېلىشتى. كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ بىر يالغانچى سېھرىگەردۇر. ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش». ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيشلەرنىڭ) كاتتىلىرى (سورۇنلىرىدىن) قوزغىلىپ چىقىپ ئېيتتى: «سىلەر مېڭىڭلار، مەئبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار، بۇ ھەقىقەتەن (بىزدىن) ئىرادە قىلىنىدىغان بىر ئىش (يەنى مۇھەممەد سىلەرنى دىنىڭلاردىن تاندۇرۇپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى ئىرادە قىلىدۇ). بۇنى بىز باشقا بىر دىندىن (يەنى ناسارا دىنىدىكىلەردىن) ئاڭلىمىدۇق، بۇ پەقەت ئويدۇرمىدۇر… («قۇرئان كەرىم» سۈرە ساد 1 — 7- ئايەتلەر).
قايغۇ ئەلەم يىلى ئەبۇ تالىبنىڭ ۋاپات بولۇشى
ئەبۇ تالىبنىڭ كېسىلى كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىئسەتنىڭ 10- يىلى رەجەپ ئېيىدا مۇھاسىرىدىن چىقىپ ئالتە ئايدىن كېيىن يۈز بەردى. يەنە بىر رىۋايەتتە، شۇ يىلى رامىزان ئېيىدا خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى ۋاپات بولغان دېيىلىدۇ. سەھىھۇلبۇخارىدا مۇسەييەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان بىر ھەدىستە، ئەبۇ تالىب ۋاپات تېپىش ئالدىدا تۇرغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قېشىغا كىرگەن (بۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا ئەبۇ جەھىل بار ئىكەن) ۋە ئۇنىڭغا: «ئى تاغا! ‹لا الە الا اللھ›، يەنى ‹بىر ئاللاھتىن باشقا مەئبۇد بەرھەق يوق›، دېگىن، مەن مۇشۇ بىر ئېغىز سۆزۈڭ بىلەن سەن ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇۋاھلىق بېرىمەن»، دېگەن. ئەبۇ جەھىل بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئۇمەييە ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىشىۋېلىپ: «ئى ئەبۇ تالىب! ئۆلەر ۋاقتىڭدا، ئابدۇلمۇتەللىپ يولىدىن ۋاز كەچسەڭ بولامدۇ؟» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىر ئەبۇ تالىب جان ئۈزۈش ئالدىدا: «ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ تۇتقان يولى بىلەن…» دېگەن ۋە شۇئان كۆز يۇمغان. بۇنىڭغا قارىتا رەسۇلۇللاھ: «مەن ئاللاھ تەرىپىدىن چەكلەنمىسەملا، ساڭا مەغفىرەت تىلەيمەن»، دېگەندە، تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولغان: ﴿وما كان للنبي والۇين امنو ان يستغفرو للمشركين ولو كانوا اولي قربي من بىد ما تبين لھم انھم اپچاب الجچيم﴾ «پەيغەمبەرگە ۋە مۇئمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس». («قۇرئان كەرىم» سۈرە تەۋبە 113- ئايەتلەر) ۋە يەنە ﴿انك لا تھدي من اچببت﴾ تەرجىمىسى: «شەك-شۈبھسىزكى، سەن ئۆزۈڭ خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن». («قۇرئان كەرىم» سۈرە قەسەس 56- ئايەت).
ئەبۇ تالىبنىڭ رەسۇلۇللاھنى قانات ئاستىغا ئېلىپ مۇھاپىزەت قىلىش ۋە قوغداش جەريانىنى «ئۇنداق قوغدىغان»، «مۇنداق مۇھاپىزەت قىلغان»، دەپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. قىسقىسى ئۇ ئىسلام دەۋىتىنىڭ زالىم مۇستەبىتلەر ۋە ئەخمەق-نادانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىدىغان مۇستەھكەم بىر پولات قورغىنىغا ئايلانغانىدى. لېكىن، ئۇ ئەجدادلىرىنىڭ يولىغا ۋارىسلىق قىلىش ئىدىيىسىدە قېپقالغان بولغاچقا ئۈزۈل-كېسىل نىجاتلىق تاپالمىدى. ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، ئۇ رەسۇلۇللاھقا: «تاغاڭ ئەبۇ تالىبقا نېمىگە ئەسقاتتىڭ؟ ئۇ سېنى قوغدايتتى ۋە سەن ئۈچۈن خەلقلەر بىلەن دۈشمەنلىشەتتى»، دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «ئۇ دوزاخنىڭ ئەڭ دۆڭ يېرىدە بولىدۇ، ئەگەر مەن بولمىغان بولسام، ئۇ دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئازگىلىدا ئازابلىناتتى»، دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئەبۇ سەئد خۇدرىييى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا تاغىسىنىڭ گېپى بولغاندا ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئېھتىمال قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا مېنىڭ شاپائىتىم تېگىپ، دوزاخنىڭ ئەڭ ئۈزە يېرىدە ھوشۇقىغا چىققۇدەك ئوتتا ئازاب قىلىنىشى مۇمكىن».
خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزىشى
ئەبۇ تالىب ۋاپات بولۇپ، ئىككى ئايدىن كېيىن ياكى (يۇقىرىقى ئىختىلاپى رىۋايەتكە ئاساسەن) ئۈچ كۈن دىن كېيىن مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىچە كۇبرا (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى. خەدىچە بىئسەت (رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولغان يىلى)نىڭ 10- يىلى رامىزان ئېيىدا 65 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. رەسۇلۇللاھ بۇ چاغدا 50 ياشتا ئىدى.
شەك شۈبھىسىزكى، خەدىچە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا ئاتا قىلغان كاتتا نىئمەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن 25 يىلدەك بىرگە ياشاپ، ئۇنىڭ ئەنسىزلىك سائەتلىرىدە كۆڭلىنى ياساپ ھېسداشلىق قىلدى. قىيىن، ھالقىلىق پەيتلەردە قوللاپ، قۇۋۋەتلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا ياردەملەشتى. جاھاننىڭ ئاچچىق-چۈچۈك بەدەللىرىنى تەڭ تۆلىدى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە ئىقتىسادىنى ئاتىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ھەققىدە: «ھەممە ئادەم ماڭا كاپىر بولغاندا ئۇ ‹خەدىچە› ماڭا ئىشەنگەن، ھەممە ئادەم ماللىرىنى مەندىن قاچۇرۇپ، ئايىغاندا، ئۇ مېنى ئۆز مېلىغا شېرىك قىلغان. ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭدىن بىر قانچە پەرزەنت ئاتا قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللاردىن پەرزەنت يۈزى كۆرمىدىم»، دېگەن.
سەھىھۇلبۇخارىدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى: «جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ‹ئى رەسۇلۇللاھ: خەدىچە قولىدا قاچا كۆتۈرۈپ، قوشۇمچە يېمەكلىك (تائام دېدىمۇ ياكى شاراپ دېدىمۇ) ئېلىپ كەلدى. ئۇ كەلگەن ھامان ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تائالادىن سالام ئوقۇغىن ۋە ئۇنىڭغا جەننەتتە ئۈنچە-مارجاندىن ياسالغان ۋاراڭ-چورۇڭسىز بىر ئۆي بىلەن بېشارەت بەرگىن»، دېدى.
قاتمۇقات قايغۇ ئەلەملەر
قايغۇلۇق بۇ ئىككى ئىش بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا يۈز بەرگەنلىكتىن رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىدە دەرت ئەلەم تۇيغۇلىرى ئىختىيارسىز يالقۇنجاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەۋمى جامائەت تەرىپىدىنمۇ قاتمۇقات ئەزىيەت كۈلپەتلەر كېلىشكە باشلىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھقا ئەبۇ تالىب ھايات ۋاقتىدا قىلىشقا پېتىنالمىغان ئەسكىلىكلەرگە ئەمدى جۈرئەت قىلىدىغان ۋە يولسىز ئىزا-ئاھانەت قىلىشتىن تەپ تارتمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا، ئۇ غەم ئۈستىگە غەم تارتىپ، ئاخىرى ئۇلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزدى ۋە تائىف ئاھالىسى دەۋىتىمگە ئاۋاز قوشار ياكى ماڭا ئورۇن بېرىپ بۇلارنىڭ ئۈستىدىن ياردەمدە بولار، دېگەن ئۈمىدتە تائىفقا چىقتى. لېكىن ئۇلاردىنمۇ رەسۇلۇللاھقا پاناھلىق بېرىدىغان ياكى ياردەم قىلىدىغان ئادەم چىقمىدى. بەلكى، ئۇلار رەسۇلۇللاھقا قۇرەيشلەر قىلمىغان ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ قاتتىق دەشنام بەردى.
مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ زۇلۇملىرى رەسۇلۇللاھقا قارىتا مۇشۇنداق كۈچەيگىنىگە ئوخشاش، ساھابىلەرگىمۇ كۈچەيگەنىدى. ھەتتا ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)مۇ مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ ھەبەشىستانغا بارماقچى بولۇپ، بەركولغىماد دېگەن يەرگە بارغاندا ئىبنى دەغنى دېگەن كىشى پاناھلىقىغا ئېلىپ، مەككىگە قايتۇرۇپ كەلدى.
ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ تالىب ئۆلۈپ كېتىۋىدى، قۇرەيشلەر رەسۇلۇللاھقا ئەبۇ تالىب ھايات ۋاقتىدا قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان يامانلىقلارنى قىلىشقا پېتىندى. ھەتتا بىر بەدبەخت رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزىگە ئۇرۇچلاپ تۇپا چاچتى. رەسۇلۇللاھ يۈز-كۆزلىرى توپىغا مىلەنگەن ھالدا ئۆيگە كىرگەنىدى. قىزلىرىدىن بىرسى يىغلىغاچ ئاتىسىنىڭ بېشىدىكى چاڭ-توزان ۋە توپا-تۇمانلارنى يۇيۇپ قويدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «يىغلىماڭلار، قىزلىرىم! ئاللاھ تائالا ئاتاڭلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ»، دەيتتى. ئۇ يەنە ئارىلاپ: «ئەبۇ تالىب ۋاپات بولغانغا قەدەر قۇرەيشلەر ماڭا مۇنداق ئەسكىلىكلەرنى قىلالمىغان»، دەيتتى.
بۇ يىلى رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىغا ئەنە شۇنداق دەرت-ئەلەملەر قاتمۇقات ياغقانلىقى ئۈچۈن ئۇ بۇ يىلنى «قايغۇ-ئەلەم» يىلى دەپ ئاتىدى. بۇ يىل تارىختا ھەم مۇشۇ نام بىلەن تونۇلدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ سەۋدىگە ئۆيلىنىشى
بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ سەۋدىگە ئۆيلىنىشى”رەسۇلۇللاھ مۇشۇ يىلى (بىئسەتنىڭ 10- يىلى) شەۋۋال ئېيىدا زەمئىنىڭ قىزى سەۋدىگە ئۆيلەندى. سەۋدە ئەڭ دەسلەپ مۇسۇلمان بولغان ئاياللاردىن بولۇپ، ھەبەشىستانغا قىلىنغان ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەتكە قاتناشقان. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئېرى سەكران ئىبنى ئەمرىمۇ مۇسۇلمان بولغانىدى. ئۇلار ئەر-خوتۇن بىرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ، كېيىن ئۇنىڭ ئېرى ھەبەش زېمىنىدا ياكى مەككىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ قازا قىلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئىددىتى چىققاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا خېرىدارلىق قىلىپ، ئەمرىگە ئالدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ خەدىچىدىن كېيىن، تۇنجى نىكاھىغا ئالغان خوتۇنىدۇر. ئۇ بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھدىن بولغان نۆۋىتىنى ئائىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن.
سەبرى - سۇباتلىق ئامىللىرى
مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ھەر قانچە كەڭ قورساق، سەۋرچان ئادەممۇ ھەيران بولماي قالمايدۇ ۋە ھەر قانچە كاتتا بىلىملىك دانىشمەنلەرمۇ «مۇسۇلمانلارنىڭ سەۋرچان، چىداملىقلىقىنى مۇنچە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن زادى قايسى ئامىلدۇ؟ ئۇلار ئاڭلىغان ئادەم تېنى جۇغۇلداپ، يۈرەكلىرى زەردە بولىدىغان بۇ زۇلۇم-سىتەملەرگە قانداق سەبرى قىلغاندۇ؟» دەپ سورىشىپ قالىدۇ، ئەلۋەتتە. ئادەمنىڭ كۆڭلىدىن چىقمايدىغان ئاشۇ سوئاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ سەبرى-سۇباتلىق ۋە ئاجايىپ چىداملىقنىڭ سەۋەب-ئامىللىرىنى ئاددىي قىلىپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.
1. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ بىر ۋە بارلىقىغا كەلتۈرگەن ئىماننىڭ كۈچلۈكلۈكى، ئاللاھقا بولغان تونۇشىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭقۇرلىقىدا ئىدى. چۈنكى، مۇكەممەل ئىمان كىشىلەر قەلبىگە سىڭىپ كىرسە، تاغنىمۇ كۆتۈرۈپ كېتەلەيدۇ، ھەرگىز يەڭگىللىك ۋە تەنتەكلىك قىلمايدۇ. بۇنداق كۈچلۈك ئىمان ۋە مۇستەھكەم ئىرادە دۇنيانىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرى مەيلى قانچىلىك ئېغىر، چىدىغۇسىز، مۈشكۈل، قورقۇنچلۇق بولغان تەقدىردىمۇ (ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ئىمانى ئالدىدا) ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەزمۇت قوپۇرۇلغان توغان ۋە بېتون قەلئەلەرنى يېقىتىش ئۈچۈن كەلگەن كەلكۈن ئۈستىدىكى كۆپۈك ۋە لاۋا-لەشتىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى لەززەتلەنگەن ئىمان ھالاۋىتى، ئىسلام ئىشتىياقى ۋە مۇستەھكەم ئىرادە ئىستىھكامى ئالدىدا ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىغا پەرۋا قىلمايدىغان بولىدۇ. ﴿فاما الزبد فيۇھب جفاء و اما ما ينفى الا اناس فيمكڭ في الارگ﴾ «كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۆگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە رەئد 17- ئايەت).
بۇ ئاساسىي سەۋەبلەردىن باشقا يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ سەۋر ۋە چىداملىقلىقىنى ئاشۇرىدىغان بىر قانچە قوشۇمچە سەۋەبلەرنىمۇ يەكۈنلەشكە بولىدۇ.
2. ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە توغرا رەھبەرلىك: (ئىسلام ئۇممەتلىرىنىڭ بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئالىي رەھبىرى) مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام ياخشى ئادەت، پسىخىك كامالەت، مەكارىم ئەخلاق، ئېسىل پەزىلەت ۋە ئالىيجاناپ خىسلەتلەرنى شۇ دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرگەنىدىكى، ئۇ بارلىق ھەق سۆيەر قەلبلەرنى ئۆزىگە ماگنىتتەك جەلىب قىلىۋالغانىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا تەييار ئىدى. رەسۇلۇللاھقا بېرىلگەن يۇقىرى كامالەت ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىنسانغا مۇۋەپپەق بولغان ئەمەس. ئۇ ئىناۋەت، ئابرۇي، دەبدەبە، ھەيۋەت، خەيرى-خاھلىق ۋە ئېسىل-پەزىلەتلەردە تەڭداشسىز ئىدى. ئىپپەت، نومۇسچانلىق، پاك دىيانەتلىك، ۋاپادارلىق ۋە راستچىل، سەمىمىيەتلىك، خەيرىيەت يوللىرىنىڭ جىمىسىدە ھەممىدىن ئالدىن قاتاردا بولۇپ، دوستلىرى، ئەل-ئاغىنىلىرى، سەپداشلىرىلا ئەمەس، ھەتتا ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغان دۈشمەنلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ پەزىلىگە قايىل ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھەر قانداق سۆزنىڭ ئەمەلدە راست بولىدىغانلىقىغا جەزم قىلىشاتتى.
بىر قېتىم قۇرەيش كاتتىۋاشلىرىدىن «قۇرئان كەرىم»گە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر-بىرىدىن يوشۇرۇن قۇلاق سالغان ئۈچ كىشى بىر يەرگە جەم بولدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇ سىرى ئاشكارىلىنىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى ئەبۇ جەھىلدىن (ئۇمۇ ئاشۇ ئۈچ كىشىنىڭ بىرى ئىدى): «سەن مۇھەممەدتىن ئاڭلىغان نەرسىلەرگە قانداق قارايسەن؟» دېۋىدى، ئەبۇ جەھىل: «قانداق قارايتتىم، بىز ئابدۇماناف جەمەتى بىلەن شەرەپ قوغلاشتۇق. ئۇلار مېھماندارچىلىق قىلىپ ئاچ قورساقلارغا تائام بەرسە، بىزمۇ تائام بەردۇق، ئۇلار ئۇلاغسىز پىيادە قالغانلارنى ئۇلاغقا مىندۈرسە، بىزمۇ مىندۈردۈق. ئۇلار خەيرى-ساخاۋەت قىلسا، بىزمۇ قىلدۇق. ھەتتا بەسلىشىپ، ئاخىرى بەيگىدە باراۋەر كېتىۋاتقان ئىككى ئاتنىڭ مىسالى بولۇپ قېلىۋىدۇق، ئۇلار بىزنىڭ ئاسمان ۋەھىيىسىنى قوبۇل قىلىدىغان پەيغەمبىرىمىز بار، دەپ قوپتى. ئەمدى بىز بۇ بوشلۇقنى قانداق تولدۇرىمىز؟ ئەزبىرايى خۇدا بىز ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئەگەشمەيمىز ۋە ئىشەنمەيمىز»، دېدى.
ئەبۇ جەھىلنىڭ داۋاملىق دەيدىغىنى: «ئى مۇھەممەد! بىز سېنى يالغانچى دېگىنىمىز يوق، لېكىن سەن ئېلىپ كەلگەن ئاشۇ بىر نېمەڭنى ئىنكار قىلىمىز»، دېگەندەك سۆز ئىدى. شۇڭا ئاللاھ بۇنىڭ ھەققىدە ﴿فانھم لا يكۇبونك و لكن الئالمين بايات اللھ يجچدون﴾ «ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارمايدۇ، لېكىن زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە تانىدۇ»، دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى.
بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ كەئبىنى تاۋاپ قىلىۋاتاتتى. كاپىرلار ھەر قېتىم ئۇدۇلىغا كەلگەندە مەسخىرە ۋە مازاق قىلىشىپ كۈلۈشتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئۈچىنچى قېتىم ئايلىنىپ كەلگەندە توختاپ تۇرۇپ: «ئى قۇرەيش خەلقى! مەن سىلەرگە بېشىڭلار كېتىدىغان بىر ئىشنى ئېلىپ كەلدىم»، دېۋىدى بۇ سۆز ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلدى چېغى، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەسكى دېگەنلىرىمۇ رەسۇلۇللاھقا چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساشقا تىرىشتى.
قۇرەيش كاپىرلىرى رەسۇلۇللاھ سەجدىدە تۇرۇۋاتقاندا تۆگىنىڭ يىنىنى ئەكېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويغان چاغدا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا دۇئايى بەد قىلىۋىدى، بىردىنلا ئۇلارنىڭ كۈلكىسى توختاپ، غەم-قايغۇغا ئەسىر بولۇشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەمدى چوقۇم بىر كۈنى ھالاك بولىدىغانلىقىنى جەزم قىلىشتى.
رەسۇلۇللاھ ئەبۇ لەھەبنىڭ ئوغلى ئۇتەيبىيىگە دۇئايى بەد قىلغاندا، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ دۇئاسىنىڭ چوقۇم تېگىدىغانلىقىنى جەزم قىلغانىدى. ئاخىر ئۇ شامغا چىققاندا، بىر يولۋاسنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ: «ۋاي توۋا! ئۇ (مۇھەممەد) مەككىدە تۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرىدىغان بولدى»، دېگەن.
ئۇبەي ئىبنى خەلەف دائىم رەسۇلۇللاھقا: «مەن سېنى ئۆلتۈرىمەن»، دەپ تەھدىت سالاتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «بەلكى سېنى مەن ئۆلتۈرىمەن، ‹ان شاء اللھ، يەنى خۇدا بۇيرىسا› دەيتتى. ئۇھۇد ئۇرۇشىدا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا نەيزە ئۇرۇپ، نەيزە راست تەگمەي قېلىپ، ئۇنىڭ گەجگىسىنى ئازراق زىدە قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ: «مۇھەممەد ماڭا ئۆز ۋاقتىدا سېنى مەن چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، دېگەنىدى، ئەزبىرايى خۇدا ئۇ ماڭا قاتتىق بىر تۈكۈرسىمۇ مېنى ئەلۋەتتە ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ»، دەپ يىغلاشقا باشلىدى. (ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئۆز نۆۋىتىدە كېلىدۇ) سەئەد ئىبنى مۇئاز (مەككىگە ئۆمرە ھەجگە بارغاندا) ئۇمەييە ئىبنى خەلەفكە: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئۇلار (يەنى مۇسۇلمانلار) ئۇمەييە ئىبنى خەلەفنى چوقۇم ئۆلتۈرىدۇ»، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دېگەندە ئۇمەييە قاتتىق چۆچۈپ، قورقۇپ كەتكەن ۋە ئۆزىگە مەككىنىڭ سىرتىغا چىقماسلىقىنى ئەھدى قىلغان. بەدرى ئۇرۇشىدا ئەبۇ جەھىل ئۇنى جەڭگە چىقىشقا زورلىغاندا، ئۇ قېچىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن مەككە تەۋەسىدىكى ئەڭ چاپقۇر بىر تۆگىنى تاللاپ سېتىۋېلىپ، مىنىپ چىققان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئايالى: ئى ئەبۇ سەفۋان (ئۇمەييىنىڭ كونىيتى)! يەسرەب (مەدىنە)لىك ھېلىقى ئاغىنەڭ دېگەن گەپنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ دېگەندە، ئۇمەييە ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق، مەن پەقەت ئۇلارغا ئۆزەمنى شۇنداق بىر كۆرسىتىپ قويۇپلا، قايتىپ كېلىمەن»، دېگەن. مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ كۆزقارىشى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىدى. ئەمما، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەسھابىلىرى ۋە قەدىناس دوست-بۇرادەرلىرىگە نىسبەتەن، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ جېنى ۋە تىنى ئىدى. ئۇلارنىڭ قەلبى ۋە كۆز قارچۇغىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەنىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقى، مېھرى-مۇھەببىتى، دوستلۇقى ۋە قېرىنداشلىقى رەسۇلۇللاھقا بەخشەندە قىلىنغانىدى. قەلبلەر ئۇنىڭغا تۆمۈر، ماگنىتقا چاپلاشقاندەك رام بولۇپ قالاتتى. بىر شائىر مۇنداق يازغان:
كۆرۈنمەككە رەسۇلۇللاھ ئادەمىزات،
ھەقىقەتتە يۈرەك تارتىش ماگىنىتىدۇر.
مانا مۇشۇنداق ھەقىقىي مېھرى-مۇھەببەت ۋە ئۆزىنى پىدا قىلىش روھىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلار بېشى كېسىلىپ، ئۆلۈشكە رازى ئىدىكى، رەسۇلۇللاھنىڭ تىرنىقى يېرىلىپ ياكى پۇتىغا تىكەن كىرىپ دەرت تارتىشىغا چىدىمايتتى.
بىر كۈنى ئەبۇ بەكرى مەككىدە قاتتىق ئۇرۇپ تاشلاندى ۋە ئېغىر زەخمىلەندى. ئۇتبە ئىبنى رەبىيئە يارىدار يېتىۋاتقان ئەبۇ بەكرىنىڭ قېشىغا كېلىپ قېلىن چەملىك توڭكاي ئايىغى بىلەن ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە ئۇرۇپ، تېپىپ، قورساقلىرىغا دەسسەپ، ھەتتا ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى تۇنىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تۈپتۈز قىلىۋەتتى. بەنۇ تەيم (ئەبۇ بەكرىنىڭ) جەمەتى ئۇنى بىر پالاسقا سېلىپ، تۆت تەرىپىدىن كۆتۈرۈپ، ئاران تەسلىكتە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشتى. ئۇلار ئەبۇ بەكرىنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنىدى. ئۇ كەچ بولغاندا ھۇشىغا كېلىپ، گەپ قىلدى. ئۇنىڭ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇپ كەتتى؟» دېگەن سۆزىنى تەستە ئۇققىلى بولاتتى. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەھلى ئەۋلادلىرى ھەيرانلىقتىن ئېغىزلىرىنى تۇتۇشۇپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ دەردىنى تارتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشتى. ئاندىن ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇممۇلخەير (ئەبۇ بەكرىنىڭ ئانىسى)گە ئۇنىڭغا ئازراق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك بېرىشكە تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىشتى. ئۇممۇلخەير ئەبۇبەكرىنىڭ قېشىدا يالغۇز قېلىۋىدى، ئۇ ئەبۇ بەكرىنى تاماققا ھەيدىدى. ئەبۇ بەكرى: «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھۋالى قانداق بولدى؟» دەپ تاماققا ھېچ قارىمايتتى. ئۇممۇلخەيرى: «ئەزبىرايى خۇدا مېنىڭ ئۇ دوستىڭىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرىم يوق»، دېۋىدى. ئەبۇ بەكرى: «ئەمىسە ئۇممۇ جەمىل بىنتى خەتتابنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇقۇپ كەلگىن»، دېدى. ئۇممۇلخەيرى ئەبۇ بەكرىنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئۇممۇ جەمىلنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە: «ئەبۇ بەكرى سىزدىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ»، دېۋىدى، ئۇ: «مەن ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ دېگەنلەرنى تونۇمايمەن، خالىسىڭىز، مېنى ئاشۇ ئەبۇ بەكرى دېگەننىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىڭ»، دېدى. ئۇممۇلخەيرى ماقۇل بولۇپ، ئۇنى باشلاپ كەلدى. ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە، ئەبۇ بەكرى گويا ئۆلۈكتەك بىھۇش ياتاتتى. ئۇممۇ جەمىل ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپلا توۋلىۋەتتى ۋە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ساڭا مۇشۇنداق قاتتىق تەگكەن بەدبەختلەر چوقۇم پاسىق ۋە ۋىجدانسىز كاپىرلاردۇر، ئاللاھ ساڭا ئۇلاردىن ئىنتىقامىڭنى ھامان ئېلىپ بېرىدۇ»، دېدى. ئەبۇ بەكرى كۆزىنى غۇۋا ئېچىپ، ناھايىتى تەسلىكتە: «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھۋالى نىچۈك؟» دەپ سورىدى. ئۇممۇ جەمىل ئاناڭ ئاڭلاپ قالسا مەيلىمۇ؟ دېگەندەك، ئۇممۇلخەيرگە ئىشارەت قىلدى. ئەبۇ بەكرى: «كېرەك يوق، دەۋېرىڭ»، دېگەنىدى. ئۇممۇ جەمىل: «رەسۇلۇللاھتىن خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇ ساق-سالامەت»، دېدى. ئەبۇ بەكرى: «ئۇ ھازىر نەدە؟» دەپ سورىدى، ئۇممى جەمىل: «ئىبنى ئەرقەم قورۇسىدا»، دەپ جاۋاب بەردى. بۇ چاغدا ئەبۇ بەكرى: «مەن رەسۇلۇللاھ بىلەن يۈز كۆرۈشمىگۈچە ئېغىزىمغا تاماق ياكى سۇ ئالماسلىقنى خۇدا ئۈچۈن نەزىر قىلدىم»، دەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ئاز تەخىر قىلىپ تۇردى. ھەتتا بىر چاغدا ئەلئايىقى جىمىقىپ، كوچىلار تىنچلىنىۋىدى، ئىككىيلەن ئەبۇ بەكرىنىڭ ئىككى قولتۇقىدىن يۆلەپ، مىڭ تەسلىكتە رەسۇلۇللاھ بار قورۇغا ئېلىپ كېلىشتى.
بىز يەنە بۇ ئۇلۇغ ساھابە كىراملارنىڭ ھەقىقىي ساداقەتمەنلىك روھى ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن جان پىدا قىلىش روھىنىڭ نادىر نامايەندىلىرىنى، بولۇپمۇ ئوھۇد ئۇرۇشىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان پەيتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلۈمگە توتۇپ بېرىش بەدىلىگە رەسۇلۇللاھنى قوغدىغانلىقىنى، خۇبەيب ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ساھابىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۆز نۆۋىتىدە نەقىل كەلتۈرىمىز.
3. يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى. ساھابە كىراملار ئىنسانىيەتنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىر ھەم ئۇلۇغۋار مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى، دەل مۇشۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئۇلارنىڭ كۈرەش نىشانى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى، مەسئۇلىيەتتىن قاچقاندىكى ئاقىۋەت ھازىرقى زۇلۇم-سىتەملەرگە سېلىشتۇرغاندا زىيىنى ئىنتايىن كۆپ، ئاقىۋىتى تولىمۇ خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن مۇسۇلمانلارغا (بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە) يېتىدىغان زىياننىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ئادا قىلىش يولىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرگە ھەرگىز سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يەتكەنىدى.
4. قىيامەت كۈنىگە بولغان كامىل ئىمان. (بۇمۇ ئاشۇ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، ئەلۋەتتە.) ساھابە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار) ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھۇ رەببىلئالەمىين (پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى)نىڭ ئالدىغا چوقۇم، جەزمەن بارىدىغانلىقىغا، ئۇ يەردە ئۇلۇغ-ئۇششاق، چوڭ-كىچىك نام-ئەمەللىرىنىڭ جىمىسىدىن ھېساب بېرىپ يا مەڭگۈلۈك راھەت-پاراغەت (جەننەت)كە ياكى ئەبەدىلئەبەد ئازاب ئوقۇبەت (جەھەننەم) كە قالىدىغانلىقىغا مۇكەممەل ئىشەنچ بىلەن جەزم قىلاتتى. شۇڭا، ئۇلار ھاياتىنى خەۋپ ۋە رىجا (ئۈمىد ۋە قورقۇنچ) ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى. ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولاتتى ۋە ئازابىدىن قورقاتتى. ئۇلار ئاللاھ ئېيتقاندەك، ﴿والۇين يوتون ما اتوا و قلوبھم وجلە انھم الۈ ربھم راجىون﴾ «ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان، ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەر…» («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇئمىنۇن 60- ئايەت) ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئازاب ئوقۇبەت ۋە راھەت پاراغەتلىرىنىڭ، ئاخىرەتنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرى ئالدىدا پاشىنىڭ قانىتىغا تەڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇپ يەتكەنىدى. دەل مۇشۇ تونۇش ۋە كۈچلۈك جەزمىيەت ئۇلارغا دۇنيانىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك يۈكلىرىنى ۋە ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يېنىك ھېس قىلدۇرغانىدى. ھەتتا، ئۇلار بۇنداق ئىشلارغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
5. «قۇرئان كەرىم» ئاشۇ قارا زۇلمەتلىك ۋە بالايى ئاپەتلىك يىللاردا نازىل بولغان ئايەت ۋە سۈرىلەر (دەۋەتنىڭ ئاساسى تېمىسى بولغان) ئىسلام دىنىي ئەقىدە پرىنسىپلىرىنى پولاتتەك پاكىت ۋە قايىل قىلارلىق دەلىل-ھۆججەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىپ، مۇسۇلمانلارنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ ئىلغار بىر جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ (ئۇ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدۇر) ئىجتىمائىي ئاساسلىرىغا يىتەكلەيتتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جاسارىتىنى قوزغاپ، سەبرىلىك، جەسۇر بولۇشقا ئىلھاملاندۇراتتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىكى ھېكمەت ۋە نىشانلارنى بايان قىلاتتى. ﴿ام چسبتم ان تدخلو الجنە ولما ياتكم مڭل الۇين خلو من قبلكم مستھم الباساء والگراء و زلزلوا چتۈ يقول الرسول والۇين امنوا مىھ متي نپر اللھ الا ان نپر اللھ قريب﴾ «سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ، جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۇئمىن)لەر ئېغىرچىلىقلارغا كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتىۋېتىلگەنىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەر «ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەنىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر ۋە ﴿الم اچسب الناس ان يتركوا ان يقولوا امنا وھم لا يفتنون ولقد فتنا الۇين من قبلھم فليىلمن اللھ الۇين پدقوا وليىلمن الكاۇبين﴾ «ئەلىف، لام، مىيم. ئىنسانلار (ئىمان ئېيتتۇق) دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 214- ئايەت ۋە سۈرە مۇئمىن 1-، 2-، 3- ئايەتلەر).
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ ئايەتلەر كاپىرلار ۋە ھەقىقەتكە قايىل بولماي جىدەللەشكۈچىلەرنىڭ ئەرزىمەس ئاساس-دەلىللىرىگە كەسكىن رەددىيە بېرىپ، ئۇلارغا يوچۇق قويمايتتى ۋە ئۇلارغا بىر دەم ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ۋە دوست-دۈشمەنلىرىگە يۈرگۈزىدىغان تارىخى قانۇنىيەتلىرى بىلەن دەلىل كەلتۈرۈپ كەلگۈسىدىكى (ئۇلار ئازغۇنلۇق ۋە ھەقىقەتكە بويسۇنماسلىق جىنايىتى بىلەن داۋاملىشىۋەرگەن تەقدىردىكى) ئېچىنىشلىق يامان ئاقىۋىتىدىن ھەزەر ئەيلەتسە، يەنە بىر دەم ئاشۇ ئازغۇنلار مېڭىۋاتقان زالالەت يولىدىن قايتىپ توغرا يول تېپىۋالسۇن ئۈچۈن ئۇلارغا سىلىق مۇلايىم سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش يېتەكلەش ۋە توغرا يول كۆرسىتىش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلاتتى.
«قۇرئان كەرىم» يەنە مۇسۇلمانلارنى باشقا بىر دۇنياغا باشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا كائىنات مۆجىزىلىرى، پەرۋەردىگارى تائالانىڭ گۈزەل جامالى، ئىلاھى كامالەت، رەھىمدىللىق ۋە مېھرىبانلىق بېشارەتلىرى ۋە رازىمەنلىك تەجەللىياتلىرىنى كۆرسىتىپ ئۇلاردا ھېچقانداق چارە-تەدبىر توسالغۇ بولالمايدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك بىر خىل ھوزۇر-ھالاۋەت ۋە ئىشتىياق روھىنى قوزغىغانىدى.
بۇ ئايەتلەر داۋامىدا يەنە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان خىتابنامىلەر بار ئىدى، خىتابنامىدە ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە تۈگىمەس نازۇ-نېئمەتكە توشقان جەننىتى بىلەن بېشارەت بېرەتتى ۋە ئۇلارغا زالىم مۇستەبىت كاپىرلارنىڭ پات پۇرسەتتە قاتتىق سوتلىنىپ بارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدىغانلىقى، ئاندىن تەتۈر سۆرەپ ئاپىرىلىپ دوزاخقا دۈم تاشلىنىپ: «دوزاخ ئوتىنىڭ تەمىنى تېتىڭلار»، دېيىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالىنى ناھايىتى ئېنىق روشەن ياڭرىتاتتى.
6. غەلىبە بىشارەتلىرى: يۇقىرىقى ئامىللاردىن باشقا يەنە مۇسۇلمانلار قىيىن-قىستاققا ئۇچراپ، چەتكە قېقىلغان كۈننىڭ دەسلىۋىدىن باشلاپ (بەلكى ئۇنىڭدىن خېلىلا ئىلگىرىدىن باشلاپ) ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش» دېگەنلىك «ئۆزىگە بىھۇدە خاپىلىق تېپىۋېلىش ياكى ناھەق بالايى قازاغا ئۆزىنى نىشان قىلىش» دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى ئىسلام دەۋىتى ئۇ يولغا قويۇلغان تۇنجى كۈندىن ئېتىبارەن جاھىلىيەتنىڭ قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنى ۋە ئۇنىڭ زومىگەرلىك تۈزۈمىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دەۋىتىنىڭ ئاساسى نىشانى يەر شارى مىقياسىدا بۇ دىننىڭ نوپۇزىنى تىكلەپ ۋە سىياسىي قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنى، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يېتەكلەش ۋە ئۇلارنى ئۆز جىنسىغا چوقۇنۇشتىن، ياراتقۇچى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق چۈشىنەتتى.
«قۇرئان كەرىم» بۇ بىشارەتلەرنى (بىر دەم ئوچۇق بايان قىلسا، يەنە بىر دەم كىنايە ئارقىلىق ئىشارەت بېرىپ) نازىل بولاتتى. مۇسۇلمانلارنى ھەر جەھەتتىن سىقىپ بۇ كەڭ جاھاننى تارچىلىق ھېس قىلدۇرغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ ھاياتىنى خەۋپ ئىچىدە قالدۇرغان ئاشۇ بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەردە نازىل بولغان ئايەتلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۇلارنى يالغانغا چىقىرىپ، كاپىر بولغان قەۋملار ئوتتۇرىسىدىكى ماجرالارنى بايان قىلاتتى-دە، ئەمەلىيەتتە بۇ ئايەتلەردە بايان قىلىنغان ئەھۋاللار مەككە مۇسۇلمانلىرى بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا ئوخشاپ كېتەتتى. ئاندىن بۇ ئايەتلەر ئاشۇ ئەھۋاللارنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بولغان كاپىر زالىملارنىڭ ھالاك قىلىنىش ۋە بۇ زېمىن ۋە بۇ دىيارلارغا ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش جەريانىنى تەپسىلىي زىكرى قىلاتتى. قىسقىسى بۇ قىسسىلەردە مەككە كاپىرلىرىنىڭ پات ئارىدا چوقۇم مەغلۇپ بولۇپ، چوڭ زىيانغا دۇچار بولىدىغانلىقى ۋە ئىسلام دەۋىتى ئومۇملىشىپ، مۇسۇلمانلار چەكسىز غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوچۇق ئىشارەتلەر بار ئىدى. مۇشۇ مەزگىللەردە مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ ھامان، چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلايدىغان ئايەتلەر نازىل بولغانىدى ۋە: ﴿ولقد سبقت كلمتنا لىبادنا المرسلين انھم لھم المنپرون و ان جند نالھم الغالبون فتول ىنھم چتۈ چين و ان جند نالھم الغالبون فتول ىنھم چتۈ چين و ابپرھم فسوف يبپرون ا فبىۇابنا يستىجلون فاۇانزل بساچتھم فساء پباچ المنۇرين﴾ «بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان، ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر. بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى)دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن، ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن. ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى (ئەتىسى) نېمە دېگەن يامان» دېيىلگەنىدى. ﴿جندما ھنالك مھزوم من الاچزاب﴾ «ئۇلار (رەسۇلۇللاھقا قارشى) جامائەلەردىن ئويۇشقان مەغلۇپ قىلىنىدىغان قوشۇندۇر» دېگەندەك ئايەتلەر نازىل بولغان ئىدى ۋە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغانلار ھەققىدە تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى: ﴿والۇين ھاجروا في اللھ من بىدما ئلموا لنبوءنھم فۈ الدنيا چسنە و لاجر الاخرە اكبر لو كانوا يىلمون﴾ «زۇلۇمغا ئۇچرىغىنىدىن كېيىن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا چوقۇم ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار بىلدىغان بولسا، ئۇلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭدۇر»، ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن يۈسۈف ئەلەيـھىسسالامنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن سورىۋىدى، ئاللاھ يۈسۈف ئەلەيـھىسسالامنىڭ قىسسىسى داۋامىدا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿لقد كان في يوسف و اخوتھ ايات للساېلين﴾ «يۈسۈفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ (قسىسىسىدە) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار». («قۇرئان كەرىم» سۈرە يۈسۈپ 7- ئايەت) يەنى مەككىلىكلەرمۇ يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى مەغلۇبىيەتكە يولۇققىنىدەك چوڭ مەغلۇبىيەتكە يولۇقۇپ ئاخىرىدا مات بولۇشىدۇ ۋە ئۇلار يۈسۈفنىڭ پەزلىگە قول قويۇپ تەسلىم بولغىنىدەك، بۇلارمۇ سېنىڭ پەزلىڭگە قول قويۇشىدۇ، دېگەن بولاتتى.
ئاللاھ يەنە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنى تىلغا ئېلىپ: ﴿و قال الۇين كفرو لرسلھم لنخرجنكم من ارگنا او لتىودن في ملتنا فاوچي اليھم ربھم لنھلكن الئالمين ولنسكننكم الارگ من بىدھم ۇالك لمن خاف مقامي و خاف وىيد﴾ «كاپىرلار پەيغەمبەرلەرگە: ‹سىلەرنى زېمىنىمىزدىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك› دېدى. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى (مۇنداق) ۋەھىي قىلدى: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، زېمىندا چوقۇم سىلەرنى تۇرغۇزىمىز، بۇ (يەنى غەلىبە) مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشتىن (يەنى سوراققا تارتىلىشتىن) ۋە ئازابىمىزدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر». («قۇرئان كەرىم» 14-سۈرە13-14- ئايەت) ۋە ئىران بىلەن رۇم (شەرقىي ۋىزانتىيە) ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىغاندا مەككە كاپىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ «مۇشرىك» بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسلەكدىشى بولغان ئىرانلىقلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. مۇئمىنلەر رۇملۇقلارنىڭ ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، ۋەھىيگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، رۇملۇقلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەپسۇسكى، ئۇرۇشتا ئىرانلىقلار غەلىبە قىلىپ كەتتى. نەتىجىدە مۇشرىكلار شادلاندى، مۇئمىنلەر يەرگە قارىدى. چۈنكى، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش نەتىجىسىدىن پال ئېلىشىپ تۇراتتى. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە رۇملۇقلارنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت نازىل قىلدى. يەنە بۇ بېشارەت بىلەن چەكلىنىپ قالماي مۇئمىنلەرنىڭمۇ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قوشۇمچە ئىشارەت بەردى ۋە: ﴿وبومېۇ يفرچ المومنون بنپر اللھ﴾ تەرجىمىسى: «شۇ (ئاللاھنىڭ نۇسرىتى نازىل بولغان) كۈندە مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە رۇم 4- ئايەت) رەسۇلۇللاھمۇ ئۆزى بىۋاسىتە بۇنداق بېشارەتلەرنى ئارىلاپ-ئارىلاپ بېرىپ تۇراتتى. ئۇ ھەج مەۋسۇمىدە بولمىسۇن ياكى ئۇكاز، مەجىننە ۋە ياكى زىلمەجاز بازارلىرىدا دەۋەتكە تۇرمىسۇن، خالايىقلارغا پەقەت جەننەتنىڭ گېپىنىلا قىلماستىن، بەلكى، ئۇلارغا ئوچۇق قىلىپ: «ئى خالايىق! بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ، مەئبۇد، بەرھەق يوق، دەڭلار، نىجات تاپىسىلەر ھەم بۇنىڭ بىلەن ئەرەبلەرگە خوجايىن بولىسىلەر، ئەجەملەر سىلەرگە ئەل بولىدۇ، ئۆلسەڭلار جەننەتتە پادىشاھ كەبى ياشايسىلەر»، دەيتتى.
بىز يۇقىرىدا ئۇتبە ئىبنى رەبىيئە رەسۇلۇللاھنى دۇنياۋى زىبۇ-زىننەت، مال-ماتالارغا قىزىقتۇرۇپ، ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتقاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا كەسكىن رەددىيە بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇتبەنىڭ «رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئىشى چوقۇم غەلىبە قىلىدىكەن»، دېگەن قاراشنى مۇقىملاشتۇرۇۋالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق.
شۇنىڭدەك رەسۇلۇللاھ ئەبۇ تالىبنىڭ قېشىغا كەلگەن ھېلىقى قۇرەيش ئەلچىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن بىرلا كەلىمە سۆزنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلار بۇنىڭغا بىرلىككە كەلسە، پۈتۈن ئەرەبلەرگە شاھ بولىدىغانلىقىنى ۋە ئەجەملەرمۇ ئەل بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتقانلىقىنى دېدۇق.
خەبباب ئىبنى ئەرەت (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: «مەن بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنى ئىزلەپ كەلگەنىدىم، ئۇ كەئبىنىڭ سايىسىدا بىر چاپاننى يېنىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا يۆلىنىپ سايىداپ ئولتۇرۇپتىكەن، بىز شۇ كۈنلەردە مۇشرىكلارنىڭ قاتتىق خورلىشىغا يولۇققانىدۇق. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۇنىڭغا: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھقا دۇئا قىلساڭچۇ؟› دېدىم. ئۇ يېنى ياتقان يېرىدىن دەس تۇرۇپ ئولتۇردى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ چىرايى غەزەبتىن قىزىرىپ كەتكەنىدى، ئاندىن ئۇ مۇنداق دېدى: «سىلەردىن ئىلگىرىكى مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدە بەدىنى تۆمۈر تاغاقلار بىلەن تارىلىپ، گۆش پەيلىرى ئۇستىخان-سۆڭەكلىرىدىن ئاجرىتىلغانلار بولغان. ئۇلارنى بۇ ئىشلار ئۆز دىنىدىن قايتۇرالمىغان. ئاللاھ بۇ ئىش (ئىسلام دىنى)نى چوقۇم كامالەتكە يەتكۈزۈپ، شۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە قىلىدۇكى، ھەتتا بىر يولۇچى سەنئادىن ھەزرىمەۋتكىچە ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقماي سەپەر قىلالايدىغان دەرىجىدە ئەمىنلىك بولىدۇ، لېكىن سىلەر ئالدىراپ قېلىۋاتىسىلەر».
بۇ بېشارەتلەر مەخپىي، يوشۇرۇن بولماستىن، بەلكى ئاشكارا ھەممىگە مەلۇملۇق ئىدى. مۇسۇلمان كاپىر ھەممىسى بىلەتتى. ھەتتا ئەسۋەد ئىبنى مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ھەم مەجلىسلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەسھابىلىرىنى كۆرسە ئۇلارنى كۆز ئىشارىتى قىلىپ مەسخىرە قىلىپ: «ئەنە يەر يۈزىنىڭ پادىشاھلىرى كەلدى، ئۇلار پات ئارىدا ئىران ۋە رۇم پادىشاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلماقچى…»، دەيتتى. ئاندىن ئىسقىرىتىپ، چاۋاك چېلىپ «ھۆرمەت قاراۋۇللىرى»دەك قارشى ئالغان قىياپەتكە كىرەتتى.
ساھابە كراملار ئاخىرقى ھېسابتا جەننەتتىن ئىبارەت رىزىۋان باغچىسىغا باشلاپ بارىدىغان ئولۇغۋار ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسى كېلەچەكتىكى شانلىق پارلاق ئىستىقبالغا بولغان بېشارەتلەر ئالدىدا ئۈستى باشلىرىغا ھەر تەرەپتىن يېغىۋاتقان قاتمۇقات زۇلۇم-سىتەملەر ۋە تالاي بالايىئاپەت ۋە مۇسىبەتلەرنى «ئۇزاققا قالماي يوقۇلىدىغان يازنىڭ چېقىن ئاپتىپى»، دەپ قارايتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ساھابىلارنىڭ روھىنى ئىمانى ئوزۇقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئىلىم مەرىپەت ئۆگىتىش ۋە قۇرئاندىن تەلىم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى تازىلاپ تۇراتتى ۋە ئۇلارغا چوڭقۇر ئەستايىدىل تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ نەپسىنى روھىي ئۈستۈن، قەلبى ساغلام، ئەخلاقى گۈزەل، ماددىۋى قەپەستىن ئازاد، شەھۋانىيلىققا قارشى، ئاسمان-زېمىن پەرۋەردىگارىغا مايىل، ئۇلۇغۋار شەخسلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشقا يېتەكلەيتتى.
