5-قىسىم: ھۇدەيبىيە سۈلھىسى، ئەلچىلەر، خەيبەر ۋە مەككە پەتھىسى
This content is not yet available in your language.
ئىبنى خەتەل كەئبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ پاناھلانماقچى بولغانىدى، بىر ئادەم كېلىپ: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! ئىبنى خەتەل كەئبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسلىۋاپتۇ»، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن››، دەپ بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم بېرىپ ئىبنى خەتەلنى ئۆلتۈرۋەتتى. ئەمما مەقىس ئىبنى سەبابىنى نۇمەيلى ئىبنى ئابدۇللا ئۆلتۈردى. ئۇ خېلى بۇرۇن مۇسۇلمان بولۇپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ۋە ئۇ يەردە ئەنسارلاردىن بىر ئادەمگەيولسىزلىق قىلىپ جىدەللىشىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئاندىن مۇرتەد بولۇپ مەككىگە قېچىپ كەتكەن ئىدى. ھارىس ئىبنى نۇپەيل رەسۇلۇللاھقا ئۇ مەككىدىكى ۋاقتىدا تولىمۇ ئەزىيەت يەتكۈزگەنىدى. شۇڭا ئۇنى ئەلى ئۆلتۈردى. ھۇبار ئىبنى ئەسۋەد دېگەن كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى زەينەب ھىجرەت قىلماقچى بولۇپ چىققاندا ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۆگىسىنى ئۈركۈتكەن. نەتىجىدە، زەينەب تۆگىدىن يىقىلىپ قورسىقىدىكى بالىسى چۈشۈپ كەتكەن. ھۇبار مەككە ئىشغال قىلىنغان كۈنى قېچىپ كەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ كەتتى.
ئەمما، ئىبنى خەتەلنىڭ ھېلىقى ئىككى ناخشىچى دېدىكىنىڭ بىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ نەخ مەيداندا ئىجرا قىلىندى. يەنە بىرىگە ئامانلىق تىلەنگەن بولغاچقا قالدۇرۇپ قويۇلدى. كېيىن ئۇ مۇسۇلمان بولدى. شۇنىڭدەك سارە دېگەن دېدەككىمۇ ئامانلىق تىلىنىپ، ئۇمۇ كېيىن مۇسۇلمان بولدى. ئىبنى ھىجرى مۇنداق دېگەن: ‹‹ئەبۇ مەئشەرنىڭ زىكرى قىلىشىچە، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلار ئىچىدە ھارىس ئىبنى تەلاتىل ئەلخۇزائىمۇ بار ئىكەن. ئۇنى ئەلى ئۆلتۈرگەن. ئىمام ھاكىمنىڭ زىكرى قىلغىنىدا ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلىنغانلار ئىچىدە يەنە كەئەب ئىبنى زۇھەيرمۇ باركەن (ئۇنىڭ قىسسىسى ھەممىگە مەلۇملۇق. ئۇ شۇنىڭدىن خېلى كېيىن مۇسۇلمان بولۇپ كەلگەن ۋە رەسۇلۇللاھنى مەدھىيلەپ شېئىر ئوقۇغان). شۇقاتاردا يەنە (رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھەمزىنىڭ قاتىلى) ۋەھشي ئىبنى ھەرب، ئەبۇ سۇفياننىڭ ئايالى ھىندى بىنتى ئۇتبە، (كېيىن مۇسۇلمان بولغان) ئىبنى خەتەلنىڭ ئەرنەپ ئىسىملىك بىر دېدىكى (ئۆلتۈرۈلگەن) ۋە ئۇممى سەئەد ئىسىملىك يەنە بىر ئايال (ئۇمۇ ئۆلتۈرۈلگەن) قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئىبنى ئىسھاقنىڭ ئېيتىقىنىدا سەككىز ئەر ئالتە ئايال بولۇپ ئومۇمى سان توشقان. ئېھتىمال ئەرنەب، ئۇممى سەئەد دېگەنلەر مەزكۇر ئىككى ناخشىچى ئايال شۇلار بولسا كىرەك.
سەپۋان ئىبنى ئۇمەييە بىلەن پۇزالە ئىبنى ئۇمەيرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى
سەپۋان ئىبنى ئۇمەييە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەر ئىچىدىكى ئادەتتىكى بىر جىنايەتچى ئۇ مەككە كاتتىۋاشلىرىنىڭ چوڭى بولغاچقا سۈپىتى بىلەن ئۆزىدىن ئۆزىگە قورقۇپ قېچىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇنىڭغا ئۇمەير ئىبنى ۋەھەب جۈمەھى رەسۇلۇللاھدىن ئامانلىق تىلىگەنىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئامانلىق بەردى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مەككىگە يۈرۈش قىلغاندا كىيگەن سەللىسىنى بەلگە قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمەير ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ چىقىپ جىددىدە كىمە بىلەن يەمەنگە قاچماقچى بولغان يىرىدىن قايتۇرۇپ كىردى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا ھازىر بولغاندا رەسۇلۇللاھقا: ‹‹ماڭا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بەرسەڭ ئويلىنىۋالسام››، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ‹‹ساڭا تۆت ئايلىق ئويلىنىش پۇرسىتى بىرەي›› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خېلى كېيىن مۇسۇلمان بولدى. ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى ئىلگىرىكى نىكاھى بىلەن قالدۇردى. پۇزالە ئىبنى ئۇمەيرگە كەلسەك ئۇ ناھايىتى يۈرەكلىك، جەسۇر ئادەم ئىدى. ئۇ شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ تاۋاپ قىلىۋاتقاندا پىچاق ئۇرۇپ رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ پۇرسەت پايلاپ يۈردى. بىر چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۇشتۇمتۇت يېنىغا چاقىرىپ ئۇنىڭ نېمە مەقسەتلەرنى قىلىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ شۇئان شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى.
مەككە ئىشغال قىلىنىپ 2- كۈنى رەسۇلۇللاھ يەنە نۇتۇق سۆزلىدى
مەككە ئىشغال قىلىنغاننىڭ ئەتىسى رەسۇلۇللاھ كۆپچىلىككە يەنە سۆز قىلدى. ئۇ ئەۋەل ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتتى ۋە تېگىشلىك تەمجىد (ئاللاھنىڭ ئەيىپ-نوقساندىن خالىي ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان سۆز ئىبارىلەر) ئېيتتى. ئاندىن مۇنداق دېدى: ‹‹ئەييۇھەنناس! (ئى خالايىق !) چوقۇم ئاللاھ بۇ مەككىنى ئاسمان-زېمىننى ياراتقان كۈنىلا ھارام (ئۇرۇش قىلىش، ناھەق قان تۆكۈش ھارام قىلىنغان جاي) قىلىپ بېكىتكەنىدى. شۇڭا بۇ مەككە ئاللاھنىڭ ھارام قىلىشى بىلەن قىيامەت كۈنىگە قەدەر ھارامدۇر، شۇڭا ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان ھەر قانداق بىر كىشىگە مەككىدە قان تۆكۈش ھالال بولمايدۇ. ئۇنىڭ دەل-دەرەخلىرىنى خالىغانچە چاتاپ كېسىشكە يول قويۇلمايدۇ. ناۋادا بىر كىشى مېنىڭ مەككىگە يۈرۈش قىلغانلىقىمنى باھانە قىلىپ دۇرۇسلۇققا يول ئىزدىسە ئۇنىڭغا: ‹‹ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىگە رۇخسەت قىلغان، سىلەرگە رۇخسەت قىلغىنى يوق، دەڭلار. ماڭا ھېلىقى كۈنى كۈندۈزدىن مەلۇم ۋاقىت رۇخسەت قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن يەنە ئۇنىڭ ھۆرمىتى (يەنى ھاراملىق پەزىلىتى) تۈنۈگۈنكىدەكلا ئەسلىگە قايتتى. بۇنى مۇشۇ يەردە بارلار يوقلارغا يەتكۈزسۈن››، دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە رەسۇلۇللاھ: ‹‹ھەرەمنىڭ دەرىخى كېسىلمەيدۇ، ياۋايى ھايۋانلىرى ئۈركۈتۈلمەيدۇ، چۈشۈپ قالغان نەرسىلەرنى تونۇشتۇرغۇچى (ئېلان قىلغۇچى)لاردىن ئۆزگىلەرنىڭ تېپىپ ئېلىشىغا بولمايدۇ. ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلمايدۇ››، دېدى. بۇ چاغدا ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! پەقەت ئىزخىرنى قالدۇرساڭ، ئۇ ئاھالىلارنىڭ ئوتۇن ۋە تۆمۈرچىلىرىگە ھەمدە ئۆي-ئىمارەتلىرىگە كېرەكلىك ئىدى›› دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئىزخىر بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر››، دېدى. خوزائە قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى شۇ كۈنى بەنى لەيس قەبلىسىدىن بىر ئادەمنى جاھىلىيەت (ئىسلامنىڭ ئالدېدىكى مەزگىل)تىكى بىر كونا قىساسى ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنىدى، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ: ‹‹ئى خۇزائە خەلقى! ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن قولۇڭلارنى يىغىڭلار، ئادەم ئۆلتۈرۈش ياخشى بولغان بولسا نۇرغۇن ئادەملەر ئۆلتۈرۈلگەن بولاتتى. سىلەر بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپسىلەر، ئەمدى ئۇنىڭ دىيىتى (تۆلەم قان پۇلى)نى مەن تۆلەيمەن. ھەركىم بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئادەم ئۆلتۈرسە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىلىرى ئىككى خىل تاللاشنىڭ بىرىنى ئىختىيار قىلسا بولىدۇ، خالىسا قىساس ئۈچۈن قاتىلنى ئۆلتۈرىدۇ، خالىسا ئۇلاردىن دىيەت (قان پۇلى) تۆلىمنى تۆلىتىپ ئالىدۇ››، دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە بۇ چاغدا يەمەنلىك بىر ئادەم (ئۇنىڭ ئىسمى ئەبۇ شاھ دەپ ئاتىلاتتى) : ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا يازدۇرۇپ بەرگەن بولساڭ››، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئەبۇ شاھقا (يۇقىرىقىلارنى) پۈتۈپ بىرىڭلار ››، دېدى.
ئەنسارلارنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ مەككىدە قېپقېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى
مەككە پەتھىسى غەلىبىلىك ئاياغلىشىۋىدى، (ھالبۇكى مەككە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆز يۇرتى، ئانا ۋەتنى ۋە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاي) ئەنسارلاردا مۇنداق بىر خىل ئەنسىرەش كەيپىياتى پەيدا بولدى. ئۇلار ئۆزئارا: ‹‹قاراڭلار، ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا ئۆز زېمىنىنى، ئانا يۇرتىنى پەتھى قىلىپ بەردى، ئەمدى ئۇ بۇ يەردە قېپقالارمۇ؟›› دىيىشتى (بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەپا تېغىدا قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىۋاتاتتى). ئۇ دۇئادىن پارىغ بولغاندىن كېيىن ئەنسارلارغا: ‹‹بايام نېمىلەرنى دېيىشتىڭلار؟›› دېدى، ئۇلار: ‹‹ھېچ نېمە دېمىدۇق، ئى رەسۇلۇللاھ!» دەپ تۇرۇۋالدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن كوچىلاپ سورىغانىدى، ئاخىرى ئۇلار كۆڭلىدە دەككە-دۈككىدە قالغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ‹‹ئۇنداق قىلىشتىن خۇدا ساقلار، ياشىساممۇ سىلەر بىلەن ياشايمەن، ئۆلسەممۇ سىلەر بىلەن ئۆلىمەن››، دېدى.
بەيئەت )ئەھدىنامە( ئېلىش
ئاللاھ مەككىنى رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا پەتھى قىلىپ بەرگەندىن كېيىن مەككىلىكلەرگە ئىش ئايان بولدى ۋە ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەق ۋە ناھەق ئايدىڭلىشىپ مۇسۇلمان بولماقتىن باشقا چىقىش يولى يوقلۇقىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا ئۇلار ئۆزۈلىكىدىن جەم بولۇپ رەسۇلۇللاھقا بەيئەت (ئەھدى) بېرىپ بويسۇنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەپاغا چىقىپ ئولتۇرۇپ كىشىلەردىن بەيئەت (ئەھدى) ئېلىشقا باشلىدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلۇللاھنىڭ سەل تۆۋىنىدىرەك تۇرۇپ رەسۇلۇللاھقا ۋاكالىتەن ئەھدى ئالدى. كىشىلەر رەسۇلۇللاھقا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە گېپىنى ئاڭلاشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا بەيئەت (ئەھدى-پەيمان) بېرىشتى. ‹‹مەدارىك›› دېگەن كىتابتا ئىيتىلىشىچە، رەسۇلۇللاھ شۇ كۈنى ئەرلەردىن بەيئەت ئېلىشتىن پارىغ بولغاندىن كېيىن، ئاياللاردىن بەيئەت ئېلىشقا باشلىغان. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلۇللاھدىن سەل پەسرەك بىر يەردە ئولتۇرۇپ، ئاياللاردىن رەسۇلۇللاھنىڭ دېگىنى بويىچە بەيئەت ئالغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دېگەنلىرىنى ئاياللارغا يەتكۈزگەن ئىدى. شۇچاغدا ھىندى بىنتى ئۆتبە (ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرىبنىڭ ئايالى) ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھەمزىگە قىلغان ۋەھشي قىلمىشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ تونۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ باشقىچە ياسىنىپ كېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا بەيئەتكە تۇرغانىدى، رەسۇلۇللاھ ئاياللارغا سۆز قىلىپ: ‹‹مەن سىلەردىن ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بەيئەت ئالىمەن››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئاياللاردىن ‹‹ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە›› بەيئەت ئالدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: ‹‹سىلەر ئوغرىلىق قىلمىغايسىزلەر››، دېگەنىدى، ھېلىقى ھىندى بىتنى ئۇتبە: ‹‹ ئەبۇ سۇفيان بەك بېخىل ئادەم، ئۇنىڭ مېلىدىن خۇپىيانە تەسەررۇپ قىلسام قانداق بولار؟›› دەپ تاشلىدى. ئەبۇ سۇفيان شۇ يەردە بار ئىدى. ئۇ: ‹‹مېنىڭ مېلىمدىن خۇپىيانە تەسەررۇپ قىلغانلىرىڭ ساڭا ھالال››، دېدى. رەسۇلۇللاھ كۈلۈپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ ھىندى بىنتى ئۇتبە ئىكەنلىكىنى تونۇپ: ‹‹سەن بىنتى ئۇتبە ئىكەنسەن-دە؟›› دېۋىدى، ئۇ: ‹‹ھەئە، مەن شۇ، ئى رەسۇلۇللاھ! بۇرۇنقى ئىشلارغا سالىۋات قىلسىلا، ئاللاھ ئۆزلىرىگىمۇ سالىۋات قىلار››، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئى ئاياللار! سىلەر زىنا قىلمىغايسىزلەر››، دېگەنىدى. ئۇ: ‹‹ھۆر (ئازات ئېسىل) ئايال دېگەن زىنا قىلامتىكى؟›› دېدى. رەسۇلۇللاھ يەنە: ‹‹بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمىگەيسىزلەر››، دېۋىدى، ئۇ: ‹‹بىز بالىلىرىمىزنى كىچىكىدە ئاسراپ تەربىيىلەپ باققانىدۇق، چوڭ بولغاندا سىلەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭلار، بۇ ئىشنى ئۆزەڭلار ئوبدان بىلىسىلەر؟›› دېدى. (ئۇنىڭ ئوغلى ھەنزەلە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان بەدرى ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنىدى). ئۆمەر كۈلۈپ، تېلىقىپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى. رەسۇلۇللاھ: ‹‹بۆھتان توقۇمىغايسىلەر››، دىۋىدى، ھىندى: ‹‹ئەزبىرايى خۇدا، بۆھتان دېگەن قەبىھ سەت ئىش، سەن بىزنى ياخشى ئىش ۋە مەكارىم (ئىسىل) ئەخلاققا بۇيرۇيدىكەنسەن››، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئاخىرىدا: ‹‹توغرا ئىشلاردا ماڭا ئاسىي بولمىغايسىلەر»، دېۋىدى، ئۇ: ‹‹ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بۇ يەردە كۆڭلىمىزگە ئاسىيلىق قىلىشنى پۈكۈپ ئولتۇرمىدۇق››، دېدى.
بۇ ئايال بەيئەتتىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ بۇتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن چېقىشقا باشلىدى. ئۇ: ‹‹بىز ساڭا تولىمۇ ئالدىنىپ ئۆتۈپتىكەنمىز››، دەيتتى.
رەسۇلۇللاھنىڭ مەككىدە تۇرغان مەزگىلى ۋە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى
رەسۇلۇللاھ مەككىدە ئون توققۇز كۈن تۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئىسلامى بەلگە ئالامەتلىرىنى يېڭىلىدى. خەلىقىنى ھىدايەتكە ۋە تەقۋادارلىققا يېتەكلىدى. ئۇ مۇشۇ جەرياندا ئەبۇ ئۇسەيد خۇزائىنى بۇيرۇپ، ھەرەمنىڭ مۇنارلىرىنى يېڭىلاتقۇزدى. ئىسلام دەۋىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپقا قوشۇنلارنى ئەۋەتتى ۋە مەككە ئەتراپىدىكى رايونلاردا بار بولغان بۇت-ھەيكەللەرنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن ئايرىم قوشۇن ۋە پىدائىيلارنى ئەۋەتىپ بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى چاققۇزۇۋەتتى. مەككە كوچىلىرىغا جاكارچىلارنى چىقارتىپ: ‹‹كىمكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىكەن ئۆيىدە بۇتنىڭ سۇنىقىنىمۇ قويماي چېقىۋەتسۇن››، دەپ ئېلان قىلغۇزدى.
قوشۇن ۋە پىدائىيلارنى ئەۋەتىش
-
رەسۇلۇللاھ مەككىنى پەتھى قىلىشتىن خاتىرجەم بولۇپلا خالىد ئىبنى ۋەلىدنى رامىزاننىڭ 25- كۈنى (ھىجرىيەنىڭ 8- يىلى) ئۇززا دېگەن بۇتنى چېقىۋىتىشكە ئەۋەتتى. بۇ بۇت ‹‹نەخلى›› دېگەن جايدا بولۇپ، قۇرەيشلەر ۋە بارلىق بەنى كەنانە ئەۋلادلىرى چوقۇنىدىغان ئەڭ چوڭ بۇت ئىدى. بۇ بۇتقا بەنى شەيبان جەمەتى قارايتتى. خالىد ئۇ يەرگە ئوتتۇز ئاتلىق بىلەن ئاتلىنىپ بېرىپ ئۇنى چېقىۋەتتى. ئۇ مەككىگە قايتىپ كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن: ‹‹بىر نەرسە كۆردىڭمۇ؟›› دەپ سورىدى، خالىد: ‹‹ياق››، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹سەن ئۇنى يىقالماپسەن، شۇڭا قايتىپ بېرىپ ئۇنى باشقىدىن يىقىۋېتىپ كەلگىن››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن خالىد دەرغەزەپ بولۇپ قىلىچىنى قىنىغىمۇ سالماي نەخلىگە ئات چاپتۇرۇپ باردى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالدىغا ياپ-يالىڭاچ، قاراتەنلىك، چاچلىرى چۇۋۇق بىر خوتۇن چىقتى. بۇتقا قارىغۇچى شەيخ مۇشۇ خوتۇننىڭ تىلى بىلەن يىغلىغىلى تۇردى. خالىد بېرىپ بۇ خوتۇننى بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى. ئاندىن مەككىگە قايتىپ رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلغانىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹شۇنداق ئۇززا دېگەن بۇت شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا ئىبادەت قىلىنىشىدىن ئەبەدىي ئۈمىدىنى ئۈزدى››، دېدى.
-
ئۇنىڭ كەينىدىنلا رەسۇلۇللاھ مۇشۇ ئاينىڭ ئۆزىدە ‹‹سۇۋائ›› دېگەن بۇتنى چېقىۋىتىش ئۈچۈن ئەمىرى ئىبنى ئاسنى يولغا سالدى. سوۋائ ھۇزەيل قەبىلىسىنىڭ چوڭ بىلىدىغان بۇتى بولۇپ، مەككىدىن ئۈچ مىل (بەش كىلومىتىر) يىراقلىقتىكى رىھات دېگەن جايدا ئىدى. ئەمىر ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىۋىدى، بۇتقا قارىغۇچى ئۇنىڭغا: ‹‹سەن نېمە ئىرادە بىلەن كەلدىڭ؟›› دەپ سورىدى. ئەمرى: ‹‹مېنى رەسۇلۇللاھ مۇشۇ بۇتنى چېقىۋىتىشكە بۇيرىدى››، دېۋىدى، بۇتقا قارىغۇچى: ‹‹سەن ئۇنى چېقىشقا قادىر بولالمايسەن››، دېدى. ئەمر: ‹‹نېمىشقا؟››، دېگەنىدى. شەيخ: ‹‹مەنئىي قىلىنىسەن››، دېدى. ئەمرى: ‹‹تاھازىرغىچە باتىل (كۇفرى)دىن ئۈمىد ئۈزمىدىڭمۇ؟ ھەي ئېسىت سېنى، ئۇ دېگەن ئاڭلىيالامتى ياكى كۆرلەمتى؟›› دېدى، ئاندىن بېرىپ ئۇنى پاچاقلاپ تاشلىۋەتتى ۋە ئادەملىرىنى بۇيرۇپ ئۇنىڭ خەزىنە ئۆيىنى ئاقتۇرغانىدى، ئۇ يەردىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى. ئاندىن ئۇ بۇتقا قارىغۇچىغا: ‹‹قانداق؟ كۆردىڭمۇ؟›› دېۋىدى، بۇتقا قارىغۇچى: ‹‹ئاللاھقا تەسلىم بولدۇم››، دېدى.
-
مۇشۇ ئاينىڭ ئۆزىدە يەنە رەسۇلۇللاھ سەئەد ئىبنى زەيد ئەشھەلىينى يىگىرمە ئاتلىق بىلەن مانات دېگەن بۇتنى چېقىۋىتشكە ئەۋەتتى. ئۇ قەدىد (جاي نامى) يېنىدىكى مۇشەللەل دېگەن يەردە بولۇپ، ئەۋس، خەزرەج، غەسسان ۋە باشقا قەبىلىلەر مەخسۇس چوقۇنىدىغان بۇت ئىدى. سەئەد ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن بۇتقا قارىغۇچى ئۇنىڭغا: ‹‹نېمە مەقسەتتە كەلدىڭ؟›› دېدى. سەئەد: ‹مەنات›نى چاققىلى››، دېۋىدى، بۇتقا قارىغۇچى: ‹‹نېمە قىلساڭ قىلغىن››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سەئەد ھېلىقى بۇتنى چاققىلى باشلىۋىدى، باشلىرى چۇۋۇق، تېنى يالىڭاچ قاپ-قارا بىر خوتۇن ئاللا توۋا چاقىرىپ، مەيدە-باشلىرىغا ئۇرۇپ چىقىپ كەلدى. بۇتقا قارىغۇچى بۇ خوتۇنغا خىتاپ قىلىپ: ‹‹ئى مەنات! ساڭا ئاسىي بولغانلارنى قەھرىڭگە ئالغىن››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سەئەد ھېلىقى ئايالنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن بۇتقا تۇتۇش قىلىپ ئۇنى چېقىپ تاشلىۋەتتى. ئۇنىڭ غەزىنىسىدىمۇ ھېچ نەرسە بايقىمىدى.
-
خالىد ئىبنى ۋەلىد ئۇززا دېگەن بۇتنى چېقىۋىتىپ كەلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇنى شەۋۋال (10- ئاي) دا بەنى جوزەيمە خەلقىگە ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرىشقا جەڭ قىلغۇچى قىسىم قىلىپ ئەمەس، بەلكى دەۋەتچى قىلىپ ئەۋەتكەنىدى. ۇ مۇھاجىر ئەنسار ۋە بەنى سۇلەيمدىن بولۇپ، 350 ئادەم بىلەن يولغا چىقتى. خالىد ئۇلارنىڭ مەھەللىسىگە يېتىپ بېرىپ ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغانىدى، ئۇلار ‹‹ئەسلەمنا››، يەنى مۇسۇلمان بولدۇق، دېگەن گەپنى دېيەلمەي ‹‹سەبەئنا سەبەئنا›› يەنى، كونا دىندىن يېڭى دىنغا چىقتۇق، دېگىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن خالىد ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ ئەسىر ئالغىلى تۇردى ۋە ھەر ئادەمگە بىردىن ئەسىرنى تۇتقۇزۇپ بەردى. ئاندىن بىر كۈنى تۇرۇپ ھەممەيلەننى قولىدىكى ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتشكە بۇيرىدى. بۇ چاغدا ئىبنى ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۋېتىشكە قوشۇلمىدى ۋە قايتىپ كەلگەندە رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى ئېيتقانىدى، رەسۇلۇللاھ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ: ‹‹ئى ئاللاھ ! مەن خالىدنىڭ ئىشلىرىدىن چىكارىگادۇرمەن›› دەپ ئىككى قېتىم تەكرارلىدى. بۇ قېتىم خالىدنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن باشقا بەنى سۇلەيىم خەلقى قوللىرىدىكى ئەسىرلەرنى تولۇق ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلىنى ئەۋەتىپ ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە قان پۇلى تۆلىمىنى تۆلەپ بەردى ۋە ئىقتىسادى زىينىنى تولدۇرۇپ بەردى. بۇ قېتىم خالىد ئىبنى ۋەلىد بىلەن پېشقەدەم مۇھاجىر ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋف ئوتتۇرسىدا مۇشۇ ئىش توغرىسىدا خېلى قوپال گەپ-سۆزلەر بولغان ۋە ئېغىر ئارازلىق يۈز بەرگەنىدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاڭلاپ: ‹‹ئۆزۈڭنى بېسىۋال ئى خالىد! پېشقەدەم ساھابىلىرىمدىن تىلىڭنى يىغقىن، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر ئوھۇد تېغىدەك (مەدىندىكى بىر تاغ) ئالتۇن بولسا، سەن ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلساڭمۇ مېنىڭ پېشقەدەم ساھابىلىرىمدىن بىرىنىڭ بىر ئەتتىگەن ياكى بىر كەچلىكى قىلغان ئەمىلىنىڭ پەزىلىتىنى تاپالمايسەن››، دېدى.
مانا بۇلار مەككە پەتھىسى غازىيتىنىڭ تەپسىلاتىدۇر. بۇ غازات بۇتپەرەسلىكنىڭ ئەرەب يېرىم ئارال تۇپرىقىدىكى مەۋجۇدىيىتىگە يوچۇق ياكى ئورۇن قالدۇرماي ئۇنى تەلتۆكۈس يوقاتقان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا مەڭگۈلۈك خاتىمە بەرگەن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەل قىلغۇچ پەتھى ئۇرۇشى بولدى. بارلىق ئەرەب قەبىلىلىرى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ۋە قانلىق توقۇنۇشلار ئەڭ ئاخىرقى ھىساپتا قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى كۈتمەكتە ئىدى. بۇ قەبىلىلەر: ‹‹ئۇلارنىڭ قايسىسى ھەق (توغرا يول) ئۈستىدە بولسا ھەرەمنىڭ ھوقۇقىنى شۇلار ئىگىلەيدۇ››، دەپ قارايتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قارىشى ۋە ئېتىقادى مۇشۇنىڭدىن دەل يېرىم ئەسىر ئىلگىرى ئەسھابول فىل (فىل ئۇرۇشىنى قوزغىغۇچى) قوشۇنى بەيتۇللاھنى قەستلەپ كىرگەندە ئۇشتۇمتۇت ھەممىسى ھالاك قىلىنغان، ھەتتا بىرسىمۇ ئامان قالمىغاندىن بېرى تەدىرىجى شەكىللەنگەن ۋە ئاستا-ئاستا مۇكەممەللىشىپ جەزىملەشكەن قاراش ئىدى. ھۇدەيبىيە شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشىمۇ بۇ ئۇلۇغ پەتھىنىڭ ئالدىن تەييارلىق خىزمىتى ۋە ئىستىراتېگىيىلىك مۇقەددىمىسى بولغانىدى. بۇ كېلىشىم بىلەن كىشىلەر خاتىرجەم بولغانىدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا سۆزلىشەلەيدىغان، ئىسلام ئۈچۈن مۇنازىرە ئېلىپ بارالايدىغان، مەككىدە ئۆز ئېتىقادى ۋە دىيانىتىنى يوشۇرۇپ كەلگەنلەر ھۇدەيبىيە شەرتنامىسىدىن كېيىن ئاشكارا دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان ۋە دىنىي دەۋەت ئېلىپ بارالايدىغان، ھەتتا شۇ ھەقتە ئىلمىي مۇنازىرە ۋە ئىلمىي سۆھبەت ئۆتكۈزەلەيدىغان بولغانىدى. نەتىجىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئىسلامغا كىردى ياكى مايىل بولغانىدى. ھەتتا ھۇدەيبىيە شەرتنامىسى ئىمزالىنىشتىن ئىلگىرى تەشكىللەنگەن غازاتلاردا ئۈچ مىڭگە يەتمەيدىغان ئىسلام قوشۇنىنىڭ سانى بۇ قېتىم بىراقلا 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
بۇ ھەل قىلغۇچ غازات كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر كۆزىنى ئاچتى ۋە ئىسلامنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇشقا توسالغۇ بولۇپ تۇرۇۋاتقان جاھالەت قارا پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلىدى. بۇ پەتھى (غەلىبە) ئارقىلىق مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ دىن بىلەن سىياسى بىرلەشتۈرۈلگەن بىردىنبىر ھۆكۈمران كۈچكە ئايلاندى.
ھۇدەيبىيە شەرتنامىسىنىڭ تۈزۈلىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە قاراپ يۈزلەنگەن بۇ دەۋرىي باسقۇچ مەككە پەتھىسى بىلەن تولۇقلاندى ۋە پۇختىلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن تامامەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە قاراپ يۈزلەنگەن، ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلار كونتىرول قىلغان، ئەرەب قەۋملىرىگە رەسۇلۇللاھقا ئەل بولۇپ كېلىپ ئىسلامنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىسلام دەۋىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشتىن باشقا چىقىش يولى قالمىغان يېڭى بىر دەۋر باشلاندى ۋە ئۇلارنى بۇ ۋەزىپىلەرگە لايىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئىشى كېيىنكى ئىككى يىلدا تاماملاندى.
3- باسقۇچ دەئۋەت سەمەرىلىرى
ئۈچىنچى باسقۇچ رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى بىر باسقۇچى بولۇپ، بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە ئېلىپ بارغان ئۇزاق مۇددەتلىك كەسكىن سىياسى كۈرەشلەر ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېغىر-مۇشەققەت، پىتنە-پاسات، داۋالغۇشلارنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈلىدىغان باسقۇچ بولدى.
مەككە پەتھىسى مۇسۇلمانلار يېقىنقى يىللاردىن بىرى قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بىر قېتىملىق چوڭ غەلىبە بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن دەۋر چاقى ئوڭغا بۇرۇلدى. ئەرەب ئاسمىنىنى قاپلىۋالغان قارا تۇمانلار ۋە زەھەرلىك ئىس-تۈتەكلەر باشقا ياقلارغا تاراپ جاھان يورۇدى. ھاسىل كالام، مەككە پەتھىسى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى ئايرىيدىغان كەسكىن بىر پاسىلى بولدى. ئالايلى، قۇرەيش خەلقى ئەرەبلەرنىڭ نەزىرىدە دىننىڭ ھىماتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئىدى. ئەرەبلەر بۇ جەھەتتە قۇرەيشلەرگە قاراشلىق ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا قۇرەيشلەرنىڭ ئىسلام ھاكىمىيتىگە ئەل بولغانلىقى ئەرەب ئارىلىدىكى بوددىنزىم دىيانىتىنىڭ تەلتۆكۈس ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
بۇ باسقۇچنىمۇ يەنە مۇنداق ئىككى جەريانغا بۆلىشىمىز مۇمكىن:
-
يەنىلا جىھاد، كۆرەش قىلىش جەريانى.
-
ھەر قايسى خەلق ۋە ئايماقلارنىڭ بەس-بەس بىلەن ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولۇپ كېتىش جەريانى.
بۇ ئىككى جەريان بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان ياكى مۇشۇ باسقۇچتا ئاقا-ئارقىدىن ۋۇجۇدقا چىققان، ھەتتا بۇ ئىككى جەرياننى بىر-بىرىگە ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن دېيشكىمۇ بولىدۇ، بىراق، بىز كىتابىمىزنىڭ كۈن-تەرتىپى بويىچە ھەربىر جەرياننى ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇشنى لايىق كۆردۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش جىھاد سەھىپىسى (جەريانى) ئالدىنقى باپلارنىڭ مەزمۇنىغا ماس ھەم بولالايدىغان بولغاچقا ئالدى بىلەن يەنىلا مۇشۇ سەھىپىنى تونۇشتۇردۇق.
ھۇنەين غازىتى
بۆلۈم: “ھۇنەين غازىتى”مەككە پەتھىسى ئۇشتۇمتۇت ئېلىپ بېرىلىپ، گويا چاقماق تېزلىكىدە قولغا كەلگەن بولغاچقا پۈتۈن ئەرەبلەر ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالدى. ئەتراپتىكى قوشنا قەبىلىلەر ھەش-پەش دېگۈچە يۈز بەرگەن، ئەمما توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان بۇ ئۆزگۈرۈشلەردىن ھاڭ-تاڭ قىلىشتى. شۇڭا ئۇلار ئىختىيارىي ۋەياكى ئامالسىزلىقتىن تەسلىم بولماي بولمىدى. بىراق، بۇ يەردە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۆزىنى كۈچلۈك چاغلايدىغان ھاكاۋاۋۇر قەبىلە ۋە ئايماقلارنى يوق دېگىلى بولمايتتى. ھەۋازىن ۋە سەقىف قەبىلىلىرى ئۆزلىرىگە بەنى نەسىر، بەنى جەشەم بەنى سەئەد ئىبنى بەكرى جەمەتى ۋە بەنى ھىلال ئايمىقىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى (ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەيسى ئىيلان جەمەتىگە مەنسۇپ كىشىلەرئىدى)نى ئەگەشتۈرۈپ مۇسۇلمانلارغا قارشى توپلاندى. بۇ ئايماق ۋە قەبىلىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىپ بويسۇنۇشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئابرويىنى چۈشۈرگەنلىك، دەپ قاراپ نەسىر ئايمىقىدىن مالىك ئىبنى ئەۋف نەسرى دېگەن كىشىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى يۈرۈش قىلىشقا بەلباغلىدى.
دۈشمەن ئەۋتاس ۋادىسىغا كېلىپ چۈشتى
باش قوماندان مالىك ئىبنى ئەۋف مۇسۇلمانلارغا قارشى قوشۇن تارتىپ ئاتلانماقچى بولۇۋىدى، ئۇ قوشۇننى بارلىق مال-مۈلكى ۋە خوتۇن-بالا چاقىلىرى بىلەن بىرگە ھەيدەپ ماڭدى. ئۇ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئاخىرى ئەۋتاس ۋادىسىغا كېلىپ چۈشتى (ئەۋتاس ھەۋازىن قەبىلىسنىڭ تەۋەلىكىدىگى ھۇنەيىنگە يېقىن بىر ۋادا ئىدى. (ھۇنەين زىلمەجاز تەرەپتىىكى يەنە بىر ۋادا. دېمەك ھۇنەين، ئەۋتاس دېگەنلەر باشقا باشقا ۋادىلارنىڭ نامىدۇر). ئەۋتاس بىلەن مەككە ئارىلىقى ئەرەپات تەرەپتىن ھېسابلىغاندا ئون نەچچە مىل (20 كىلومېتىردەك كىلىدۇ.
تەجېرىبىلىك بىر مويسىپىتنىڭ قومانداننىڭ تەدبىرىنى خاتاغا چىقارغانلىقى
مالىك ئەۋتاس ۋادىسىغا كېلىپ چۈشكەندە، قوشۇننىڭ باش ئاخىرى جەم بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇرەيد ئىبنى سەمەت ئىسىملىك( جەڭ تەدبىرلىرىگە ماھىر ، چىچەن تەجربىلىك بىر دانىشمەن مويسىپىت) كىشىمۇ بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دەپ سوراپ قالدى (ئۇ كۆزى كور بولغاچقا): ‹‹بىز ھازىر نەدە؟›› ئۇلار: ‹‹ئەۋتاستا›› دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئۇ: ‹‹ھە… ئات چاپتۇرۇش مەيدانى بەك قوپال، قاتتىقمۇ ئەمەس ۋە بەك يۇمشاقمۇ ئەمەس، ئەجىبا مەن تۆگە بوتىقلاقلىرىنىڭ توۋلاشلىرىنى ئات-ئېشەكلەرنىڭ كىشىنەشلىرىنى ۋە بوۋاق نارسىدىلەرنىڭ يىغا-زارىنى ھەمدە قوي-قۇتازلارنىڭ مەڭرەشلىرىنى ئاڭلايمەنغۇ››، دەپ سورىدى. ئۇلار: ‹‹مالىك ئىبنى ئەۋف ئادەملەرنى خوتۇن بالا-چاقىلىرى ۋە مال-مۈلىكى ھەتتا ئوغۇل -قىز پەرزەنتلىرى بىلەن ھەيدەپ كەلدى››، دېيىشكەنىدى، ئۇ مالىكنى چاقىرتىپ ئۇنىڭدىن بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەبنى سورىدى. ئۇ: ‹‹كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مال-دۇنياسى ۋە خوتۇن قىزلىرىنىڭ ئار نۇمۇسىنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ، جان تىكىپ ئۇرۇش قىلسۇن ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم››، دېۋىدى، دۇرەيد ئويلانمايلا: ‹‹ئەزبىرايى خۇدا پادىچىنىڭ ئۆزى ئىكەنسەن (يەنى بەكمۇ ساددا ئىكەنسەن)، مەغلۇپ بولغاندىن مەدەت سورىغان نەدە بار؟ ئۇرۇشتا غالىب كەلسەڭ، ساڭا ئەسقاتىدىغىنى قۇرال-ياراقلىرى تەل چەبدەس يىگىتلەر، ئەكىسچە مەغلۇپ بولساڭ مال-مۈلۈك خۇتۇن بالىلىرىڭ ئالدىدا رەسۋايى جاھان بولغىنىڭ شۇ، خوتۇن-قىزلىرىڭنى دۈشمەن خوتۇن قىلىدۇ››، دېدى. ئاندىن ئۇ بەزى ئايماق ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ‹‹ئى مالىك! سەن ھەۋازىن خەلقىنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى دۈشمەننىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ ياخشى ئىش قىلماپسەن. شۇڭا سەن ئۇلارنى ئەسلى ماكانىغا قايتۇرۇۋەت، ئاندىن بۇ ياتدىندىكىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغىن، غەلىبە قىلساڭ خەلقىڭ كېلىپ تەبىرىكلەيدۇ، ناۋادا مەغلۇپ بولساڭ خوتۇن-قىزلىرىڭنى ۋە مال-دۇنيالىرىڭنى ئار-نۇمۇستىن ساقلاپ قالىسەن››، دېدى. لېكىن (باش قوماندان) مالىك بۇ تەلەپتىن باش چايقىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئەزبىرايى خۇدا ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن، قەسەم قىلالايمەنكى ھەۋازىن خەلقى ماڭا چوقۇم ئىتائەت قىلىدۇ، بولمىسا ئۆز قىلىچىم بىلەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالىمەن››. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: ‹‹مالىكقا ئىتائەت قىلىمىز››، دەپ چۇقان سېلىشتى، شۇڭا دۇرەيد: ‹‹بۇ ئەسلى مەن قاتناشمايدىغان ۋە قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدىغان بىر كۈن بولدى»، دېدى ۋە تۆۋەندىكى قوشاقنى ئېيتتى:
مەن ئۆزەم بىر نەۋقىران ،
بولاي بۈگۈن پەھلىۋان.
ياۋ قىزىنى ئەسىر ئېپ(ئېلىپ)،
ھەيدەپ ماڭسام شادىمان.
دۈشمەن تەرەپنىڭ ئاخبارات ئىگىلىشى
مالىكنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتكەن پايلاقچىلىرى قايتىپ كەلدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى تولىمۇ غەمكىن ۋە ئالاقزادە كۆرۈنەتتى. مالىك ئۇلارغا: ‹‹ۋاي سىلەرنى، سۆزلەڭلەرچۇ؟ بۇ نېمە ئىش؟» دېگەنىدى، ئۇلار دۇدۇقلاپ: ‹‹ئەزبىرايى خۇدا، ئاق ئاتلىق ئاق كىيىملىك سەرۋازلارنى كۆرۈپ ۋۇجۇدىمىزنى تىترەك باستى. ئەزبىرايى خۇدا، بىزنىڭ شۇنىڭدىن بېرى ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالىمىز قالمىدى››، دېدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى
بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى”رەسۇلۇللاھ ئىگىلىگەن ئاخباراتلىرىدىن دۈشمەننىڭ ئاتلانغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. شۇڭا ئۇ ھەدرەدىلئەسلەمىينى ئەۋەتىپ دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ئۇ يەردە مۇۋاپىق مۇددەت تۇرۇپ، ئەھۋال ئىگىلەپ كىلىشكە بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يولغا چىقىپ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىپ قايتىپ كەلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مەككىدىن ھۇنەينگە قاراپ ئاتلاندى
بۆلۈم: “پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مەككىدىن ھۇنەينگە قاراپ ئاتلاندى”شەنبە (ھىجرىيىنىڭ 8-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 6-)كۈنى سەھەردە رەسۇلۇللاھ مەككىدىن ئايرىلىپ (بۇ مەككىنى ئىشغال قىلغاننىڭ 19-كۈنىگە توغرا كىلەتتى) 12 مىڭ ساھابە بىلەن ئاتلاندى. بۇلارنىڭ 10 مىڭى مەدىنىدىن كەلگەنلەر، ئىككى مىڭى مەككىدە يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ غازات ئۈچۈن سەفۋان ئىبنى ئۇمەييەدىن 100دانە ساۋۇتنى بىر يۈرۈش ئەسلىھەلىرى بىلەن ئارىيەت ئالدى ۋە ئەتتاپ ئىبنى ئەسىيدنى مەككىگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. شۇ كۈنى كەچ كىرىپ گۇگۇم چۈشۈۋىدى، ئاتلىق بىر كىشى كېلىپ مۇنداق بىر مەلۇماتنى يەتكۈزدى: ‹‹مەن پالان تاغقا چىققانىدىم، ئۇ يەردە ھەۋازىن خەلقىنىڭ چوڭ-كىچىك، قىرى-ياش، بالا-چاقا، قوي-كالىلىرى بىلەن توپلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»، دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ سالدى ۋە: ‹‹ئىنشائەللا (خۇدا خالىسا) ئەتى شۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ بولىدۇ››، دېدى. شۇ كۈندىكى كۆزەتچىلىكىنى ئەنەس ئىبنى ئەبى مىرسەدىلغەنەۋى زىممىسىگە ئالغانىدى.
مۇسۇلمانلار ھۇنەينگە كېتىۋېتىپ يول ئۈستىدە ياپ-يىشىل ئۆسكەن چوڭ بىرتۈپ سىدە دەرىخىنىڭ تۈۋىدىن ئۆتتى. ئۇ زاتى ئەنۋات دەپ ئاتىلاتتى. شۇ يەردىكى يەرلىك ئەرەبلەر بۇ دەرەختىن تەبەررۇك تىلەپ ئۇنىڭغا قۇرال-ياراقلىرىنى ئېسىپ، ئۇنىڭ تۈۋىگە مال بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلاتتى، يىغلاپ زارلىناتتى. بۇ چاغدا بەزىلەر: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلارنىڭ ‹زاتى ئەنۋات› بار بولغىنىدەك (يەنى مۇبارەك دەرىخى) بىزگىمۇ ‹زاتى ئەنۋات› قىلىپ بەرسەڭ›› دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇ گەپكە خاپا بولۇپ: ‹‹ئاللاھۇئەكبەر (ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر)، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، خۇددى مۇسا ئەلەيـھىسسالامنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ‹بىزگىمۇ ئۇلارنىڭكىدەك ئىلاھ تىكلەپ بەرگىن›، دېگىنىدەك گەپ قىلدىڭلار مۇسا: ‹سىلەر تولىمۇ نادان خەلق ئىكەنسىلەر›، دېگەنىدى. بۇ تارىخى قانۇنىيەت، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىسىلەر›› دېدى. يەنە بەزىلەر ئۆز قوشۇنىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ: ‹‹بۈگۈن قەتئىي مەغلۇپ بولمىغۇدەكمىز››، دېيىشكەنىدى. بۇ گەپ رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ئېغىر كەلدى.
ئىسلام قوشۇنى ئۇشتۇمتۇت دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ئىسلام قوشۇنى ھۇنەينگە شەۋۋال (10- ئاي) نىڭ 20- كۈنى سەيشەنبە كېچە يېتىپ باردى. مالىك ئىبنى ئەۋف بۇ يەرگە ئاللىبۇرۇن يېتىپ كېلىپ بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ تەرەپلەردىكى ئىستىراتېگىيىلىك ئۇرۇنلارغا قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالغانىدى. يوشۇرۇنۇش مۇمكىن بولغان يول ئېغىزى، جىلغا، تارچۇق، قىيا چوققا ۋە كىرىش ئېغىزلىرىغا بۆكتۈرمە قوشۇن تارقىتىپ مۇسۇلمانلار كۆرۈنگەن ھامان ئوق بىلەن زەربە بېرىشكە، ئاندىن بىراقلا قوزغىلىپ يەر يۈزى ھۇجۇمى قوزغاشقا بۇيرۇق بەرگەنىدى. ئەتىسى تاڭ سەھەردە رەسۇلۇللاھ قوشۇننى رەتكە سالدى ۋە تۇغ-ئەلەملەرنى ھەرقايسى قىسىملارغا تارقىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار سەھەر ئالا قاراڭغۇدا ھۇنەين ۋادىسىغا قاراپ تۆۋەن چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇلار بۇ يوللاردا ۋە جىلغىلاردا دۈشمەن بۆكتۈرمە قوشۇنى بارلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇلار شۇنداق تىزلىك بىلەن ئىلگرىلەۋاتقان بىر پەيتتە ئۇشتۇمتۇت ئۈستى-باشلىرىغا قار-يامغۇردەك ئوقلار يېغىپ كەتتى. ئالدى تەرەپتىن دۈشمەنلەر چۇقان سېلىپ دىۋەيلەپ كەلدى. بۇ چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرى چۇۋالچاقلىشىپ، تەرتىپسىز ھالدا قېچىشقا باشلىدى. ھېچ كىشى ھېچ كىشىگە باقمايتتى. بۇ ئۇشتۇمتۇت بېرىلگەن زەربە ئاجايىپ تالاپەت بولدىكى، ھەتتا ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب (ئۇ يېڭىدا مۇسۇلمان بولغان بولغاچقا): ‹‹ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى قىزىل دېڭىز بويىدا ئاخىرلاشقۇدەك››، دېدى. جيبىللە (ياكى كەلدە) ئىبنى جۇنەيد دېگەن كىشى: ‹‹ئى خالايىق! بۈگۈن سېھىر ئىشلىمەي قالدى»، دەپ ۋارقىرىدى، ئەمما رەسۇلۇللاھ قېچىۋاتقانلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ئەسلىدىكى ئورنىدىن تەۋرەنمەي تۇردى ۋە: ‹‹ئى خالايىق! بۇ ياققا كېلىڭلار، مانا مەن رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە، مانا مەن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا بۇ يەردە››، دەپ توۋلايتتى. بۇچاغدا ئۇنىڭ يېنىدا مۇھاجىرلار ۋە ئۆز ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن بولۇپ، ساناقلىق بىر قانچە كىشىلا قالغانىدى. مانا مۇشۇ يەردە رسۇلۇللاھنىڭ تەڭداشسىز جەسۇر قىياپىتى ۋە ھېچنىمىدىن قورقماس باتۇر خىسلىتى ھەقىقىي رەۋىشتە نامايەن بولدى. ئۇ ھەدەپ خېچىرىنى دۈشمەن تەرەپكە دىۋىتىپ:
مەن پەيغەمبەر راست سۆزۈم ،
يالغان ئېغىز ئاچمايمەن.
ئابدۇلمۇتەللىپ پۇشتى مەن،
ياۋ پۇشتىدىن قورقمايمەن.
دەيتتى. بىراق رەسۇلۇللاھنىڭ خېچىرىنىڭ تىزگىنىنى ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھارىس ۋە ئۇنىڭ ئىگەر ئۈزەڭگىسىنى تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ چىڭ تۇتىۋالغان بولغاچقا، خېچىرنى ماڭغىلى قويمايۋاتاتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئاتتىن چۈشۈپ پەرۋەردىگار تائالادىن: ‹‹ئى ئاللاھ! ياردىمىڭنى نازىل قىلغىن››، دەپ مەدەت تىلىدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى ۋە جەڭ مەيدانىنىڭ قايتا قىزىانلىقى
رەسۇلۇللاھ تاغىسى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نى بۇيرۇپ، ساھابىلەرنى توۋلاتقۇزدى (ئۇ ئاۋازى يۇقىرى كىشى ئىدى). ئابباس مۇنداق دەيدۇ: ‹‹شۇنىڭ بىلەن مەن پۈتۈن ئاۋازىم بىلەن: ‹رىزۋان بەيئىتىگە قاتناشقانلار نەدە؟!› دەپ توۋلىدىم. قەسەم قىلالايمەنكى، ئۇلار مىنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ: ‹لەببەي، لەببەي› (مانا بىز، مانا بىز) دىيىشىپ، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىشتى». بىر ئادەم تۆگە بىلەن قېچىۋاتقان بولسا بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپلا، تۆگىنى ئاۋاز تەرەپكە بۇرايتتى، ئەمما ئۇنىڭ تۆگىنى قايتۇرۇشقا مادارى يەتمەيتتى دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇساۋۇت ۋە قىلىچ، نەيزە قاتارلىق جەڭ قوراللىرىنى قولىغا ئېلىپ تۆگىدىن سەكرەپ ئاۋاز تەرەپكە چاپاتتى. تۆگىسى بىر ھازاغىچە چېپىپ ھارغاندا توختايتتى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا يۈزدەك ئادەم جەم بولىۋىدى، ئۇلار سەپ تارتىپ دۈشمەن توپىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇلار بىلەن قاتتىق ئېلىشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن دەئۋەت ئەنسارلار قارىتىلدى: «ئى ئەنسار جامائەسى! ئى ئەنسارلار! » دەپ چاقىرىلدى. ئاندىن بەنى ھارىس ئىبنى خەزرەج (ئەنسارلارنىڭ بىر ئايمىقى)گە ئالاھىدە قارىتىلىپ چاقىرىلدى. گويا ئۈركۈتۈلگەن جەرەندەك قېچىۋاتقان مۇسۇلمانلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئوۋغا ئېتىلغان يولۋاستەك ئېتىلىپ كېلىشتى. نەتىجىدە، ھەر ئىككى تەرەپ ئاجايىپ جاسارەت ، ئاجايىپ قەھرىمانلىق بىلەن ئېلىشتى رەسۇلۇللاھ ‹‹جەڭ مانا ئەمدى قىزىدى››، دېدى. ئاندىن يەردىن بىر چاڭگال توپىنى ئېلىپ: ‹‹دۈشمەنلەر خار بولسۇن!›› دەپ ئۇلار تەرەپكە چاچقانىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى توپىغا توشۇپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى بوشىشىپ، سەپ-تەرتىپلىرى چاۋالچاقلاشتى، ئىشلىرى كەينىگە چېكىندى.
دۈشمەننىڭ روھى سۇنۇپ كەڭ-كۆلەمدە مەغلۇپ بولۇشى
رەسۇلۇللاھ ھېلىقى بىر سىقىم تۇپراقنى چېچىپ ئوزاق ئۆتمەيلا دشمەن تەرەپكە ئېغىر مەغلۇبىيەت يۈزلەندى. سەقىف قەبلىسىدىنلا يەتمىشكە يېقىن مۇشرىك جەڭگىر ئۆلتۈرۈلدى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ ھەيدەپ كەلگەن مال-مۈلۈك، قورال-ياراق ۋە خوتۇن-قىزلىرىنى يېغىپ ئۆتكۈزىۋالدى. ئاللاھ قۇرئاندا بۇ ئۆزگۈرۈشلەرگە ئىشارەت بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَقَدْ نَپَرَكُمُ اللّھُ فِي مَوَاطِنَ كَڭِيرَەٍ وَيَوْمَ چُنَيْنٍ إِۇْ ۆَىْجَبَتْكُمْ كَڭْرَتُكُمْ فَلَمْ تُغْنِ ىَنكُمْ شَيْېًا وَگَاقَتْ ىَلَيْكُمُ الۆَرْگُ بِمَا رَچُبَتْ ڭُمَّ وَلَّيْتُم مُّدْبِرِينَ ڭُمَّ ۆَنَزلَ اللّھُ سَكِينَتَھُ ىَلَۈ رَسُولِھِ وَىَلَۈ الْمُۋْمِنِينَ وَۆَنزَلَ جُنُودًا لَّمْ تَرَوْھَا وَىۇَّبَ الَّۇِينَ كَفَرُواْ وَۇَلِكَ جَزَاء الْكَافِرِينَ﴾ ‹‹ۋە ھۇنەين كۈندە (ھۇنەين جېڭىدە) ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار، (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار بۇ چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 12 مىڭ، مۇشرىكلار نىڭ سانى 4000 ئىدى) سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى، (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى، ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ رەسۇلۇللاھنى ئازغىنا مۇئمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار، ئاندىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەرھەمەت قىلىپ خاتىرجەملىك بېغىشلىدى. سىلەرگە قوشۇنلارنى (يەنى سىلەرگە يارىدەمگە پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى. ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار (شۇنىڭ بىلەن سىلەر غەلىبە قىلدىڭلار)، ئاللاھ كافىرلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن) ئازابلىدى. كافىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇدۇر» («قۇرئان كەرىم» 9- سۈرە 25-، 26- ئايەتلەر).
قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتى
دۈشمەن تەرەپ جەڭ مەيدانىدا ئېغىر شىكەستە يېگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىر بۆلىكى تائىف تەرەپكە، يەنە بىر بۆلىكى نەخلى دېگەن جايغا، ئۈچىنچى بىر بۆلىكى ئەۋتاسقا قاراپ. تىكىۋىتىشتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەۋتاسقا ئەبۇ ئامىر ئەشئەرى باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم قوغلاپ زەربە بەرگۈچى قىسىمنى ئەۋەتكەنىدى. ئۇلار دۈشمەن بىلەن ئازراق تىركىشپ، ئاخىر دۈشمەننى مەغلۇپ قىلدى. شۇ قېتىمقى تىركىشىشتە قىسىم قوماندانى ئەبۇ ئامىر ئەشئەرى شەھىد بولۇپ كەتتى.
يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتلىق چەۋەندازلىرىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر نەخلىگە قاچقان مۇشرىك قاچاق قوشۇنىنى قوغلاپ زەربە بەردى. قاچقۇنلار ئىچىدە دۇرەيد ئىبنى سەمەت قولغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇنى رەبىئە ئىبنى رەفيىئ ئۆلتۈردى. ئەمما، مۇشرىكلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى قاچاق قوشۇنى تائىفقا كىرىپ پاناھلىنىۋالغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇلارغا غەنىمەتلەرنى جەملەپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى بىۋاسىتە قوشۇن تارتىپ جازا يۈرۈشى قوزغىدى.
ھۇنەين غەنىمەتلىرى
بۆلۈم: “ھۇنەين غەنىمەتلىرى”بۇ قېتىم قولغا چۈشكەن غەنىمەتلەرنى تۈر بويىچە ھېسابلىغاندا ئالتە مىڭ ئادەم، 24 مىڭ تۆگە، 40 مىڭ دىن كۆپرەك قوي، تۆت مىڭ ئوقۇيە (بىر ئوقىيە 37.4 گىرامغا تەڭ) كۈمۈش قاتارلىقلار ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ غەنىمەتلەرنى جەملەپ جىئىررانە دېگەن جايدا توختىتىپ تۇرۇشقا مەسئۇد ئىبنى ئەمرىلغىپارنى مەسئۇل قىلدى ۋە تائىف غازىتىدىن پارىغ بولغانغا قەدەر بۇ غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلمىدى. ئەسىرلەر ئىچىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئېمىلدەش ھەمشىرىسى شەيما بىنتى ھارىس سەئەدىمۇ بار ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنى رەسۇلۇللاھقا تونۇشتۇرغانىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۇنىڭدىكى مەلۇم بىر بەلگە بىلەن تونۇۋېلىپ ناھايىتى خۇش بولدى ۋە ئۇنىڭغا ئۈستىدىكى رىداسىنى سېلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ قويۇۋەتتى.
تائىف غازىتى
بۇ غازات تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ھۇنەين غازىتىنىڭ داۋامىدۇر، چۈنكى، ھۇنەين جەڭ مەيدانىدا مەغلۇپ بولغان ھەۋازىن ۋە سەقىف قاچاق قوشۇنى باش قوماندان (مالىك ئىبنى ئەۋف) بىلەن بىللە تائىف قورغىنىغا كىرىپ مۇداپىئەلىنىۋالغانىدى. رەسۇلۇللاھ ھۇنەيندىكى غەنىمەتلەرنى يىغىپ جىئررانىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن پارىغ بولۇپلا، مۇشۇ ئاي (يەنى شەۋۋال)نىڭ ئۆزىدە تائىفقا جازا يۈرۈش قىلدى. ئۇ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن خالىد ئىبنى ۋەلىدنى مىڭ كىشى بىلەن قوشۇننىڭ كۆزەتچىلىرى سۈپىتىدە ئالدىن يولغا سېلىۋەتكەنىدى. ئاندىن ئۇ چوڭ قوشۇننى باشلاپ ئۆزى بىۋاسىتە ئاتلاندى. ئۇ يول ئۈستىدە نەخلى، يامانىيە ئاندىن قەرنۇلمەنازىلنى بېسىپ ئۆتۈپ لەييە دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايغا يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردە مالىك ئىبنى ئەۋفنىڭ بىر قەلئەسى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى چېقىپ تۈزلىۋېتىشكە بۇيرىدى. ئاندىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بىر چاغدا تائىفقا يېتىپ بېرىپ تائىف قەلئەسىگە يېقىن بىر جايغا چۈشۈپ شۇ يەرگە بارىگاھ قۇردى ۋە قەلئەنى مۇھاسىرگە ئالدى.
مۇھاسىرە خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى ئىمام مۇسلىم ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە مۇھاسىرە قىرىق كۈن داۋاملاشقان، دىيىلىدۇ. تارىخشۇناسلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى ئوخشاش ئەمەس. بەزىلەر: ‹‹20 كۈن››، دىسە، يەنە بەزىلەر ‹‹ئون نەچچە كۈن بولغان›› دەيدۇ. بىر سۆزدە «18 كۈن»، دىيىلسە يەنە بىرسۆزدە «15 كۈن»، دېيىلىدۇ. ھەر ھالدا مۇھاسىرە خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ جەريانىدا ئىككى تەرەپتىن بىر-بىرىگە ئوق ئېتىشىش ۋە توپ ئېتىشىشلار بولۇپ تۇرغان. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئالغان تۇنجى كۈنى دۈشمەن تەرەپ ئۇلارغا قەلئە ئۈستىدىن قار-يامغۇردەك ئوق ياغدۇرۇپ، مۇسۇلمانلاردىن نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان ۋە ئون ئىككى ئادەم (شەھىد بولۇپ كەتكەن). نەتىجىدە، مۇسۇلمانلار بارىگاھنى ئەسلىدىكى ئورنىدىن ھازىرقى تائىف جامەسىنىڭ ئورنىغا يۆتكەشكە مەجبۇر بولغان ۋە مۇشۇ يەرنى بازا قىلىپ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام تائىف كۈچلىرىگە مەنچاناق تىكلەپ ئۇلارنى توپقا تۇتقانىدى، بۇ تەدىبىر بىر ئاز ئىشلەپ قالدى. مەنچەنىق تا ئېتىلغان تاشلار قەلئە تېمىدا چوڭ-كىچىك چاك ۋە شۇرا-يوچۇقلارنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم كىشىلەر دەببابە (ھازىرقى زاماندىكى تانكا)نىڭ ئىچىگە كىرىپ تامنى تىشىش ئۈچۈن قەلئە تۈۋىگە بارغانىدى، دۈشمەن بۇلارغا قىپ-قىزىل قىزىتىلغان تۆمۈر زىخلارنى ئېتىپ دەببابە گە ئوت قويىۋەتتى. ئۇنىڭ تېگىدىكىلەر قايتىپ چىقىۋىدى، ئۈستىدىن ئوق ياغدۇرۇپ بىر قانچە كىشىنى شەھىد قىلىۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام يەنە (دۈشمەننى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن جەڭ تەدىبىرى سۈپىتىدە) تائىف ئۈزۈمزارلىقىنى كېسىپ تاشلاش ۋە باغ-بوستانلىرىغا ئوت قويۇشقا بۇيرىغانىدى، مۇسۇلمانلار بىر بۆلۈك يەرلەرنىڭ تاللىقىنى ۋەيران قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سەفىق خەلقى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاللاھنىڭ ۋە سىيلە-رەھىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئوت قويۇشنى توختاتساڭ، دەپ يالۋۇرۇشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئاللاھنىڭ ۋە سىيلە-رەھىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دەپ قالدۇرۇپ قويدى، ئارقىدىن جاكارچى چىقىرىپ: ‹‹كىمكى قەلئەدىن ئەل بولۇپ چۈشسە، ئۇ ھۆر (ئازاد ئەمىن بولىدۇ››، دەپ ئېلان قىلغۇزدى. بۇ تەدبىرمۇ بەلگىلىك رول ئوينىدى. نەتىجىدە يىگىرمە ئۈچ ئادەم ھەرخىل يوللار بىلەن قەلئەدىن چۈشۈپ كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر كىشى تائىف قەلئەسى ئىچىدىكى بىر سۇ تارتىش ئەسۋابىنىڭ ئارغامچىسى بىلەن قەلئە ئۈستىدىن سىيىرىلىپ چۈشكەنىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى شۇ مەنانى ئىپادىلەيدىغان ‹‹ئەبۇ بەكرەتە›› (ئارقانچى) دەپ ئاتاپ قويدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلدى. بۇلارنىڭ تەمىناتىنى مۇسۇلمانلارغا يۈكلىدى. بۇ ئىش قەلئەدىكى مۇشرىكلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى قاتتىق زەربە بولدى.
مۇھاسىرىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇنغا سوزۇلغانسېرى دۈشمەننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش تەدبىرلىرى كۈچەيدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە مۇشرىكلارنىڭ ئوق زەربىسى ۋە قىزىتىپ تاشلىغان تۆمۈر پارچىلىرىنىڭ زەربىسىدىن ئۆلۈم-يېتىم ۋە يارىدار بولۇش ئەھۋالى ئېشىپ باردى. ئەسلىدە دۈشمەن تەرەپ قورغان ئىچىگە بىر يىل يەتكۈدەك تەمىنات ۋە ئوزۇق-تۈلۈك توپلىۋالغانىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ نەۋفەل ئىبنى مۇئاۋىيە ئەدەيلىگە مەسلىھەت سالدى. ئۇ: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! بۇلار ھازىر ئۇۋىسىغا كىرىۋالغان تۈلكىگە ئوخشايدۇ، ئۇنى ماراپ تۇرساڭ ھامان تۇتالايسەن، تاشلاپ كەتسەڭ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ››، دېدى. ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ مۇھاسىرىنى بوشىتىپ قوشۇننى چىكىندۈرۈپ كېتىش قارارىغا كەلدى ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى بۇيرۇپ قوشۇنغا: ‹‹ئاللاھ خالىسا ئەتە قايتماقچىمىز››، دەپ ئېلان قىلدۇردى. بۇ قارار كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارغا ياقمىدى. ئۇلار: ‹‹قورغاننى ئالماي قايتىمىزمۇ؟›› دېيىشتى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: ‹‹ئەمىسە ئەتە ئەتىگەن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاڭلار›› دېگەنىدى، ئۇلار ئەتىسى ئەتىگەنلىك ھۇجۇمدىلا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. نۇرغۇن كىشىلەر يارىدار بولدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: ‹‹ ئەمدى بىز چوقۇم قايتىمىز››، دېگەنىدى، مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن شاتلاندى ۋە چېكىنىشكە باشلىدى. رەسۇلۇللاھ كۈلمەكتە ئىدى.
مۇسۇلمانلار تائىف مۇھاسىرىسىنى بوشىتىپ قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «قايىتقۇچىدۇرمىز، تەۋبە قىلغۇچىدۇرمىز، ئىبادەت قىلغۇچىدۇرمىز، رەببىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىدۇرمىز››، دەپ مېڭىڭلار دېدى. بىر كىشى: «ئى رەسۇلۇللاھ! سەقىف خەلقىگە دۇئايى بەد قىلساڭ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئى ئاللاھ! سەقىف خەلقىنى ھىدايەت قىلغىن ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىغىن››، دېدى.
جىئررانىدىكى تەقسىمات
رەسۇلۇللاھ تائىفتىكى مۇھاسىرنى بوشىتىپ جىئررانىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەۋازىن خەلقى تەۋبە (پۇشايمان) قىلىپ، مال-مۈلۈك ۋە ئەسىرلىرىنى تىلەپ ئېلىۋىلىش ئۈچۈن ئەلچى كېلىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلماي، ئون نەچچە كۈن كۈتۈپ تۇردى. لېكىن، ئۇلار تەرەپتىن ھېچكىم كەلمىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ پۈتۈن ئەس-يادى غەنىمەت ۋە تەقسىماتتا قالغان ئايرىم شەخىسلەر، قەبىلە ئاقساقاللىرى ۋە مەككە كاتتىۋاشلىرىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلىشقا كىرىشتى. كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئوبيېكتلىرى ھەممىدىن ئەۋۋەل بەھرىمەن قىلىندى ۋە ئالاھىدە نىسىۋىگە ئىگە بولدى. رەسۇلۇللاھ ئەڭ ئاۋال ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەربكە قىرىق ئوقىيە (بىركىلوغا يېقىن) ئالتۇن ۋە يۈزدانە تۆگە بىرىۋەتتى. ئەبۇ سۇفيان: ‹‹ئوغلۇم يەزىدكىچۇ؟›› دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغىمۇ شۇنچىلىك مىقداردا مال دۇنيا بەردى. ئەبۇ سۇفيان يەنە: ‹‹ئوغلۇم مۇئاۋىيىگىچۇ؟›› دېگەنىدى، ئۇنىڭغىمۇ يەنە ئاتىسىنىڭكىگە ئوخشاش مىقداردا مال-دۇنيا ئىلتىپات قىلدى. ھەكىم ئىبنى ھىزامغا يۈز دانە تۆگە بەرگەنىدى، ھەكىم يەنە يۈز تۆگە ئىلتىپات قىلىشنى سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا يەنە يۈز تۆگە بۇيرۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن سەپۋان ئىبنى ئومەييىگە يۈز تۆگە بەرگەنىدى، ئومۇ ئاقا-ئارقىدىن سوراپ ئۈچ يۈز تۆگىگە ئىگە بولدى (شىفا ناملىق كىتابتا شۇنداق دىيىلىدۇ). ھارىس ئىبنى ھارىس ئىبنى كەلدىگە يۈز تۆگە بەردى. شۇنىڭدەك قۇرەيش كاتتىۋاشلىرى ۋە باشقا قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن بىر قانچە كىشىگە يۈزدىن-يۈزدىن تۆگە ئىلتىپات قىلدى. يەنە بىر قىسىملىرىغا ئەللىكتىن قىرىقتىن بەردى. ھەتتا ئەل ئارىسىدا ‹‹مۇھەممەد تۆگەپ كېتىشىدىن قورقماي بېرىدىكەن››، دېگەن خەۋەر تارقالدى. نەتىجىدە، شۇ ئەتراپتىكى ئەئرابى (بەدەۋى) لەر رەسۇلۇللاھدىن مال تەلەپ قىلىپ توپ-توپ كېلىپ، ھەتتا ئۇنى مەيداننىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر دەرەخ تۈۋىگىچە قىستاپ ئاپاردى. دەرەخ رەسۇلۇللاھنىڭ رىداسى (يەكتەك)نى ئىلىۋالدى، بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ‹‹ئى خالايىق! رىدايىمنى سۇنۇپ بىرىڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ھازىر يېنىمدا تەھامە دەرەخلىرىنىڭ سانىچە مال مۈلۈكىم بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمگە ئازراقمۇ قالدۇرماي، ھەممىنى سىلەرگە بېرىۋەتكەن بولاتتىم. مەن ئۇنداق بېخىل،كۆزى كىچىك، قورقۇنچاق كاززاپلاردىن ئەمەسمەن››، دېدى. ئاندىن ئۇ تۆگىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۆگىسنىڭ لوكىسىدن بىر تال يۇڭنى يولۇپ ئالدى-دە، مۇنداق دېدى: ‹‹سىلەرنىڭ بۇ ئولجا-پولجا دېگەن بىر نېمىلىرىڭلاردىن ماڭا مۇشۇنچىلىكمۇ قالمايدۇ، پەقەت بەشتىن بىرى قالىدۇ، ئۇ بەشتىن بىرىمۇ يەنە سىلەرگە قايتۇرىلىدۇ››.
ئىسلام دىنىغا مايىل قىلىش ئوبيكتلىرىغا رەسۇلۇللاھ ئۆزى چاغلاپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، زەيد ئىبنى سابىتنى قالغان غەنىمەتلەر بىلەن ئەسىرلەرنىڭ سانىنى ئېلىشقا بۇيرىدى. ئاندىن ئۇنى قوشۇننىڭ كىشى بېشىغا چاچقانىدى. ھەر بىر ئادەمگە تۆت تۆگە، قىرىق دانە قوي تەقسىم بولدى. ناۋادا ئاتلىق بولسا ئون ئىككى تۆگە ۋە يۈز يىگىرمە قويغا ئىگە بولدى. بۇ تەقسىمات ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيىۋىلىككە ئىگە ئىنتايىن دانا تەقسىمات بولغانىدى. چۈنكى، دۇنيادا شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلارنى ھەقىقانىيەت قاينىمىغا ئەقىللىرى ۋە تەپەككۇر، ئاڭ-ئىدراكلىرى ئەمەس، بەلكى گال-قورساقلىرى سۆرەپ ئەكىرىدۇ، بۇ خۇددى ئۈرۈككەك، ئاساۋ ھايۋانلارنى يەم-خەشەككە ئالداپ قوتانغا ئامان-ئىسەن سولىۋالغانغا ئوخشايدۇ. بۇنداقلارمۇ ئىمان-ئىسلامغا مايىل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرخىل قىزىقتۇرۇش ۋە جەلپ قىلىش ۋاستىلىرىگە مۇھتاج، ئەلۋەتتە.
ئەنسارلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئاچچىقى كەلگەنلىكى
بۇ سىياسەت دەسلەپتە ئانچە ياخشى چۈشىنىپ كەتمىدى. شۇڭا ھەرخىل ئۆسەك گەپ-سۆزلەر پەيدا بولدى. ئەنسارلار ئاشۇ سىياسەتنىڭ زىينىنى ئەڭ كۆپ تارتتى. ئۇلار ھۇنەين ھەدىيە سوۋغىلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغانىدى. ۋەھالەنكى، قىيىن پەيتتە چاقىرىلغاندا ئۇچقاندەك كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بىلەن مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ قوشۇننىڭ چېكىنىش ھالىتىنى غەلىبە ۋە زەپەر ھالىتىگە ئۆزگەرتكەنلەر دەل ئەنسارلار ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا جەڭنىڭ تاراق-تۇرۇقىنى ئاڭلاپلا قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋەتكەنلەر قوللىرىغا ئۇچۇملاپ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، خۇشاللىقىدىن كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتتى. ئەمما، ئۇلارچۇ تېخى بىر قوينىڭ بوينىغا ئارغامچا سېلىپ باقمىدى. ئىبنى ئىسھاق ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىييى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹رەسۇلۇللاھ، بۇ غەنىمەتلەردىن قۇرەيشلەرگە ۋە باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىگە كۆپلەپ بېرىپ ئەنسارلارغا ھېچ نەرسە تەگمىگەندىن كىين، بۇ كىشىلەر ئۆز ئىچىدە خاپا بولۇپ بەزى گەپلەرنى قىلدى. ھەتتا ئاچچىقىغا پايلىمىغان بىرسى: ‹‹ئەزبىرايى خۇدا! رەسۇلۇللاھ ئەمدى ئۆز قەۋم-جامائەتلىرىنى تېپىۋىلىپ بولدى››، دېدى. سەئەد ئىبنى ئۇبادە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىرىپ: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! سەن ئۆز قەۋم-قېرىنداشلىرىڭغا ۋە باشقا قەبىلە ئاقساقاللىرىغا زور مىقداردا سوۋغا ۋە ھەدىيەلەرنى تۆكۈپ بېرىپ، ئەنسارلاردىن ئىبارەت بۇ بىر جەمەت كىشىلەرگە ھېچ نەرسە بەرمىگەنىدىن كېيىن ئۇلار سەندىن خاپا بولۇپتۇ››، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹سەنمۇ خاپا بولدىڭمۇ؟›› دەپ سورىدى، سەئەد ئىبنى ئوبادە: ‹‹ئى رەسۇلۇللاھ! مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى-دە، ئەلۋەتتە››، دېدى. رەسۇلۇللاھ : ‹‹ئۇنداق بولسا قەۋمىڭنى مۇنۇ ئىھاتە ئىچىگە يىغقىن››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سەئەد ئەنسارلارنىڭ قېشىغا چىقىپ ئۇلارنى ھېلىقى ئىھاتە ئىچىگە يىغدى. مۇھاجىرلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر كەلگەنىدى. ئۇلارنى كىرگىلى قويدى. ئاندىن يەنە بىر بۆلۈكلەر كەلگەنىدى، ئۇلارنى كىرگۈزمىدى. ئۇلار تولۇق يىغىلىپ بولۇۋىدى، سەئەد چىقىپ رەسۇلۇللاھقا: ‹‹ ئەنسارلار يىغىلىپ بولدى››، دەپ خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىپ ئاۋۋال ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتتى، ئاندىن مۇنداق دېدى: ‹‹ئى ئەنسارلار جامائەسى! ماڭا سىلەر تەرىپىدىن ئاڭلانغىنى قانداق گەپ؟! ئۇ سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەردە ماڭا ئاچچىقڭلار كەلگىنىمۇ؟! مەن سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بېرىشنىڭ ئالدىدا سىلەر ئازغۇن-گۇمراھ خەلق ئەمەسمىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مېنىڭ سەۋەبىم بىلەن ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟ كەمبەغەل-نامرات ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى باي قىلمىدىمۇ؟ ئۆزئارا ئاداۋەتلىك دۈشمەنلەردىن ئىدىڭلار، ئاللاھ قەلبىڭلارنى بىرلەشتۈرۈپ سىلەرنى ياراشتۇرمىدىمۇ؟›› ئەنسارلار: ‹‹شۇنداق، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ياخشىلىقى كۆپتۇر ۋە ئەۋزەلدۇر››، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ يەنە: ‹‹ئى ئەنسارلار جامائەسى! جاۋاب بىرىڭلارچۇ؟›› دېگەنىدى، ئەنسارلار: ‹‹ نېمىدەپ جاۋاب بېرەرمىز ئى رەسۇلۇللاھ! ياخشىلىق ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە مەنسۇپ››، دەپ تۇرۇۋالدى. رەسۇلۇللاھ: ‹‹ئەگەر خالىساڭلار: ‹سېنى باشقىلار يالغانغا چىقىرىپتىكەن، بىز راست دەپ ئېتىراپ قىلدۇق، ئەل تاشلىۋىتىپتىكەن، بىز قوللىدۇق، قوغلىۋىتىپتىكەن، بىز ئارىمىزغا ئالدۇق، نامرات يوقسولكەنسەن، غەمخورلۇق قىلدۇق›، دېيشىڭلار مۇمكىن، ئەلۋەتتە راست دەيسىلەر. ئى ئەنسارلار!
بەزى ئادەملەرنى مۇسۇلمان بولسۇن ئۈچۈن دۇنيانىڭ يوقىلاڭ نەرسىلىرى بىلەن بەھرىمەن قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلارغا تاپشۇرسام شۇنىڭغا ئاچچىقىڭلار كەلدىمۇ؟ ئى ئەنسارلار! باشقىلار قوي-كالىلارنى ھەيدەپ كەتسە، سىلەر يۇرتۇڭلارغا رەسۇلۇللاھنى ئېلىپ قايتىشقا رازى بولمامسىلەر؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ھىجىرەت بولمىغان بولسا مەن ئەنسارلاردىن ئەۋەتىلگەن بولاتتىم. جىمى ئادەملەر بىر يولدا مېڭىپ، ئەنسارلار يەنە بىر يولغا ماڭسا مەن چوقۇم ئەنسارلار ماڭغان يولنى تۇتقان بولاتتىم. ئى ئاللاھ! ئەنسارلارغا رەھمەت قىلغىن، ئەنسارىلرانىڭ بالىلىرىغا رەھمەت قىلغىن ۋە ئۇلارنىڭ نەۋرە-چەۋرىلىرىگە رەھمەت قىلغىن››، دېدى. بۇ چاغدا ئەنسارلار كۆز يېشى قىلىشىپ كەتتى، ھەتتا ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتتى. ئۇلار مۇنداق دىدى: ‹‹رەسۇلۇللاھنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولدۇق ۋە نېسىۋىمىزنىڭ رەسۇلۇللاھ بولىشىغا رازى بولدۇق››، ئاندىن رەسۇلۇللاھمۇ قايتتى ۋە ئۇلارمۇ تارقىلىشتى.
ھەۋازىن ئەلچىلىرنىڭ كىلىشى
غەنىمەتلەر تەقسىم قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ھەۋازىن ئەلچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. ئۇلار زۇھەير ئىبنى سەردا باشچىلىغىدا ئون تۆت ئادەم ئىدى. ئەلچىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئىمىلداش تاغىسى ئەبۇ بەرقاننىمۇ ئېلىپ كەلگەنىدى. ئەلچىلەر رەسۇلۇللاھتىن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش يۈزىسىدىن ئەسىر ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تىلىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھقا كىشىنىڭ دىلىنى ئېرىتىدىغان شىرىن-تاتلىق گەپلەرنى قىلغانىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹‹كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، مەن يالغۇز ئەمەسمەن راست گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، سىلەر تاللاڭلار ئوغۇللىرڭلار ۋە خوتۇن-قىزلىرىڭلارغا تۇرامسىلەر ياكى مال-دۇنيالىرىڭلارغىمۇ؟››دېدى. ئۇلار بىردەك: ‹‹ نەسلىمىزگە ھېچ نەرسىنى تەڭ قىلمايمىز››، دىيىشكەنىدى، رەسۇلۇللاھ : «ئۇنداق بولسا سىلەر پىشىن نامىزىدىن كېيىن ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ: ‹رەسۇلۇللاھنى مۇئمىنلەرگە (ئارىغا سېلىپ) كەلتۈرۈپ ۋە مۇئمىنلەرنى رەسۇلۇللاھقا شىپى كەلتۈرۈپ ئەسىرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز›، دەڭلار››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسۇلۇللاھ پىشىن نامىزىدىن پارىغ بولغان ھامان ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ شۇنداق قىلغانىدى، رەسۇلۇللاھ: «مەن مېنىڭ قولۇمدىكى ۋە بەنى ئابدۇلمۇتەللىپ جەمەتىنىڭ قولىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنى چوقۇم قايتۇرۇپ بىرىمەن ھەمدە باشقىلارنىڭمۇ قايتۇرۇپ بېرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمەن››، دېدى. بۇ چاغدا بارلىق مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلار ئىپادە بىلدۈرۈپ: ‹‹بىزنىڭ نىسىۋىلىرىمىزمۇ رەسۇلۇللاھقا تەئەللۇق›› دېيىشتى. ئەقرەئ ئىبنى ھابىس: «مەن ۋە بەنوتەمىيىم خەلقى قايتۇرۇپ بەرمەيمىز››، دېدى. ئويەينە ئىبىنى ھىيسنىمۇ: ‹‹مەن ۋە بەنى پەزارە خەلقى قايتۇرۇپ بەرمەيمىز»، دېدى. ئابباس ئىبنى مەرداسمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ: ‹‹مەن ۋە بەنى سولەيىم خەلقىمۇ قايتۇرمايمىز››، دېگەنىدى، ئۇنىڭ خەلقى بىردەك: ‹‹بىزگە تەگمىش بولغىنى رەسۇلۇللاھقا مەنسۇپ››، دەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ‹‹مېنى يەرگە قاراتتىڭلار»، دەپ جىمىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ ئادەملەر مۇسۇلمان بولۇپ تەۋبە قىلىپ كەپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن ئۇلارنىڭ (ئەسىرلىرنى) تەقسىم قىلماي بىر قانچەكۈن ساقلىغانىدىم، ئەمدى مەن ئۇلارنى ئىختىيارىغا قويۇۋىدىم، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەسىبىگە ھېچ نەرسىنى تەڭ قىلمايدىكەن، شۇڭا يېنىدا ئەسىر بارلار قايتۇرۇپ بىرىشكە رازى بولسا قايتۇرۇپ بەرسۇن، قاچان ئۆز نىسىۋىسىنى چىڭ تۇتىمەن دېگۈچىلەر بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى ئەسىرلەرنى ھازىر ئەلچىلەرگە چوقۇم قايتۇرۇپ بەرسۇن. ئۇنىڭ ئورنىغا كېيىن ئاللاھ بىزگە غەنىمەت ئاتا قىلغاندا تۇنجى بولۇپ شۇلار بىرگە ئالتە ھەسسە كۆپەيتىپ غەنىمەت ئالسۇن ››. جامائەتچىلىك بىردەك قىلىپ: ‹‹رازى بولدۇق، ئى رەسۇلۇللاھ! ›› دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: ‹‹بىز ھازىر ئاراڭلاردىن كىمنىڭ رازى بولغانلىقىنى، كىمنىڭ نارازى بولغانلىقىنى ئۇقمايمىز، شۇڭا ھەممىڭلار ياتاقلىرىڭلارغا قايتىپ، ۋەكىللىرىڭلار پىكىرىڭلارنى يەتكۈزسۇن››، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ھەۋزاىن ئەلچىلىرىگە بەس-بەس بىلەن ئاسارەتتىكى خوتۇن-قىزلىرىنى ۋە ئوغۇل بالا چاقىلىرىنى قايتۇرۇپ بىرىشتى. پەقەت ئويەينە ئىبنى ھىسنى ئۇنىڭغا تەگمىش بولغان قولىدىكى بىر قېرى خوتۇننى قايتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنىماي كېيىنرەك قايتۇرۇپ بەردى. رەسۇلۇللاھ ئەسىرلەر قايتىش ئالدىدا ھەممىسىنى بىردىن مىسىردا ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەكلەر بىلەن تارتۇقلاپ يولغا سالدى.
ئۆمرە ھەج قىلىپ مەدىنىگە قايتىش
رەسۇلۇللاھ جىئرانىدىكى تەقسىمات ۋە ئەسىرلەرنى قايتۇرۇش ئىشلىرىدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن، شۇ يەردىن ئۆمرە ھەجگە ئېھرام باغلاپ ھەرەمگە كىرىپ ئۆمرە ئادا قىلدى ۋە مەككىگە ئەتتاپ ئىبنى ئەسىيدنى باش مەئمۇر (ۋالىي) قىلىپ تەيىنلەپ قويغاندىن كېيىن مەدىنىگە قايتتى. ئۇ مەدىنىگە شۇ يىلى (ھىجىرىيىنىڭ 8- يىلى) زۇلقەئد (11- ئاي)نىڭ 24- كۈنى قايتىپ كەلدى. مۇھەممەت غەززالى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا مىڭ شۈكرىكى، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ قېتىم مەككىدىن چوڭ غەلىبە تاجىسىنى كىيىپ، زەپەر قۇچۇپ مەدىنىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن بۇ ئۇلۇغ شەھەر (يەنى مەدىنە مۇنەۋۋەر)گە مۇشۇنىڭدىن سەككىز يىل ئىلگىرى قەدەم تەشرىپ قىلىش ئوتتۇرسىدىكى پەرق نېمە دېگەن زور! نېمە دېگەن چوڭ! ئۇ بۇ چاغدا پاناھلىق ئىزلەپ غېرىپ-مۇساپىر بولۇپ كەلگەنىدى. ھېسداشلىق ۋە ياردەمگە مۇھتاج ئىدى. بۇ چاغدا مەدىنە خەلقى ئۇنى ھۆرمەتلىدى، يۇقىرى ئورۇن بەردى، ئارىغا ئېلىپ ياردەم قىلدى. ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (قۇرئان)غا ئەگەشتى. رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن جىمىي ئادەملەرنىڭ دۈشمەنلىك قېلىشىغا، چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قېچىپ مۇھاجىر بولۇپ كەلگەن چېغىدا قىزغىن قارشى ئالغان ئاق كۆڭۈل مەدىنە خەلقى مانا ئەمدى ئۇنى سەككىز يىلدىن كېيىن يەنە بىرقېتىم قارشى ئېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. ۋەھالەنكى، ئەمدى ئۇنىڭغا مەككىمۇ بويسۇندى. ئۇ ئۆزىنىڭ زومىگەر تەكەببۇرلۇقىنى ۋە جاھىل تەرسالىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىچارە ھالەتتە قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرغانىدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئىسلام ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ھۆرمەتلەپ ئۇنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزدى ۋە ئۇنىڭغا شەرەپ لىباسىنى كەيگۈزدى. ئۆتمۈشتىكى بارلىق خاتالىقلىرىنى ۋە كەچۈرگۈسىز گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلدى: ﴿إِنَّھُ مَن يَتَّقِ وَيِپْبِرْ فَإِنَّ اللّھَ لاَ يُگِيىُ ۆَجْرَ الْمُچْسِنِينَ ﴾ «كىمكى ھەقىقىي تەقۋادارلىق قىلىدىكەن سەبرى قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» (سۈرە يۈسۈف 90- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
مەككە ئىشغالىيتىدىن كېيىن ئەۋەتىلگەن قوشۇن ۋە پىدائىيلار
رەسۇلۇللاھ بۇ قېتىمقى تولۇق زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مەھەل مەدىنىدە مۇقىم تۇرۇپ ئەلچىلەرنى كۈتتى (قوبۇل قىلدى). ئاساسىي قاتلام مەئمۇرلىرىنى تەيىنلىدى. دىنىي دەۋەتچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن باش تارتىپ ئەرەب جەمئيتىنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىش تەقدىرىگە تەن بەرمەيۋاتقان بىر قىسىملارنى ھورىغا جىمىقتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن قوشۇنلارنى يولغا سالدى. زەربىدارلارنى تەشكىللىدى.
مۇسەددىق )مۈلكى ئەمەلدار(لەر
بىز يۇقىرىدا رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىگە ھىجرىيەنىڭ 8- يىلى يىل ئاخىرىدا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقانىدۇق. ئۇزاق ئۆتمەي ھىجرىيەنىڭ 9- يىلى مۇھەررەم (1- ئاي) نىڭ ھىلال ئىېيى مەدىنە ئاسمىنىدا جۇلالىدى. مۇشۇ ئارىلىقتا رەسۇلۇللاھ ھەرقايسى قەبىلىلەرگە مۇسەددىق (زاكات يىغىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار)لارنى ئەۋەتتى. تۆۋەندىكىسى ئۇلارنىڭ تىزىملىگى ۋە ئەۋەتىلگەن قەبىلىلەرنىڭ ناملىرىدۇر:
-
ئۇيەينە ئىبىنى ھىسنى بەنى تەمىم قەبلىسىگە؛
-
يەزىد ئىبنى ھۈسەيىن بەنى ئەسلەم ۋە غىپار قەبىلىسىگە؛
-
ئەبباد ئىبنى بەشىير ئەشھەلى بەنى سۈلەيىم ۋە مۇزەينە قەبىلىسىگە؛
-
رافىئ ئىبنى مەكيىس جوھەينە قەبىلىسىگە؛
-
ئەمر ئىبنى ئاس بەنى پەزارە قەبلىسىگە؛
-
زەھھاك ئىبنى ىسۇفيان بەنى كىلاپ قەبىلىسىگە؛
-
بەشىر ئىبنى سۇفيان بەنى كەئەب قەىبلىسىگە؛
-
ئبنى لۇتەيبە ئەلئەزدى بەنى زەبيان قەبىلىسىگە؛
-
مۇھاجىر ئىبنى ئومەييە سەنئاغا؛
-
زەيياد ئىبنى لەبىيد ھەزرىمەۆتكە؛
-
ئەدىي ئىبنى ھاتەم بەنى تەي ۋە بەنى ئەسەد قەبلىلىرىگە؛
-
مالىك ئىبنى نوۋەيرەبەنى ھەنزەلە قەبىلىسىگە؛
-
زەبەرقان ئىبنى بەدرى بەنى سەئەد قەبىلىسىنىڭ بىر قىسمىغا؛
-
قەيىس ئىبنى ئاسىم بەنى سەئەدنىڭ يەنە بىر قىسمىگە؛
-
ئەلائو ئىبنى ھەززەمى بەھرەيىنگە؛
-
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ نەجرانغا (سەدىقە ۋە باج ھەر ئككىسىنى يىغىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدى.
مەزكۇر مۇسەددىقلارنىڭ ھەممىسى ھىجىرىيىنىڭ 9- يىلى مۇھەررەم (1- ئاي)دىلا ئەۋەتىلگەن بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ بىر قانچسىى شۇ قەبىلە خەلقلىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلغۇچە تەخىر قىلىنىپ، ئاندىن ئەۋەتىلگەن.
شۇنداق، بۇ مۇسەددىقلارنى 9- يىلى مۇھەررەم (1- ئاي) دىلا بۇنچە كۆپ جايلارغا ئەۋەتىش، ئىسلام دەۋىتىنىڭ ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن قانچىلىك زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىىنى ئۇقتۇرىدۇ. مەككە قولغا كەلگەندىن كېيىن بولسا ئادەملەر ئىسلامغا توپ-توپ بولۇپ كىرىشكە باشلىدى، ئەلۋەتتە.
ئەۋەتىلگەن قوشۇنلار
ھەر قايسى قەبىلە ۋە ئايماقلارغا مۇسەددىق (زاكات يىغقۇچى ئەمەلدار)لار ئەۋەتىلگىنىدەك، ئارال تەۋەلىكىدە ئومۇمىيۈزلۈك تىنىچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەزى جايلارغا قوراللىق قوشۇن تەشكىللەپ ئەۋەتىشكە توغرا كەلدى. تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتە ئەۋەتىلگەن قوشۇن ۋە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ قىسقىچە كۆرۈنىشىنى بېرىمىز.
1-ئۇبەيدە ئىبنى ھىسنى ئەلپەرازى قوشۇنى:
ھىجرىيىنىڭ 9- يىلى مۇھەررەم (1-ئاي) دا ئەللىك ئاتلىق بىلەن بەنى تەمىم قەبىلىسىگە جازا يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرمۇ مۇھاجىر ياكى ئەنسارى يوق ئىدى. سەۋەبى بەنى تەمىم خەلقى ئەتراپتىكى قەبىلىلەرنى مەدىنىگە قارشى كۈشكۈرتكەن ۋە ئۇلارنى جىزىيە (غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالار تاپشۇرىدىغان باج) تاپشۇرۇشتىن باش تارتىشقا قۇتراتقانىدى.
قوشۇن كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ، كېچىسى يول يۈرۈپ ئاخىرى ئۇلارغا سەھەردە ھۇجۇم قوزغىدى. دۈشمەن تەرەپ قېچىپ كەتتى. قوشۇن ئۇلاردىن 11 ئەر 21 خوتۇن ۋە 30 دانە يېشىغا توشمىغان نارسىدە بالىنى قولغا چۈشۈرۈپ مەدىنىگە ھەيدەپ كەلدى ۋە رەملە بىنتى ھارىسنىڭ قورۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن شۇ قەبىلىنىڭ كاتتىلىرىدىن ئون كىشى مەدىنىگە كېلىپ ئودۇل رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشىك تۈۋىدە توختىدى ۋە: ‹‹ئى مۇھەممەد! بۇ ياققا چىققىن ››، دەپ توۋلاشتى. رەسۇلۇللاھ ئولارنىڭ ئالدىغا چىقىقانىدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھقا يېپىشىۋىلىپ يالۋۇرغىلى تۇردى. رەسۇلۇللاھ ئۇلار بىلەن بىر دەم تۇرۇپلا پىشىن نامىزىغا كىرىپ كەتتى. نامازدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ مەسجىدنىڭ سەيناسىدا ئولتۇراتتى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن بەس مۇنازىرىلىشىپ بېقىش ۋە مۇشائىرە ئېيتىپ ئەجدادلار ئىش-ئىزلىرى بىلەن مۇفاخىرىگە چۈشۈپ بېقىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ سۆزمەن ناتىقى ئەتارۇد ئىبنى ھاجىبنى چىقىرىپ سۆزلىگىلى سالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا قارىتا ئىسلام ناتىقى سابىت ئىبنى قەيسس ئىبنى شىماسنى بۇيرۇپ ئۇلارغا جاۋاپ نوتقى سۆزلىدى. ئاندىن ئۇلار شائىرى زەبەرقان ئىبنى بەدرىنى ئالدىغا چىقىرىپ مۇشائىرىگە سالغانىدى. ئۇ مۇفاخىرە شېئىرلىرىنى ئۇقىدى. ئۇنىڭغا ئىسلام شائىرى ھەسسان ئىبنى سابىت دەلمۇدەل، يۇز تۇرانە مۇشائىرە ئېيتىپ جاۋاپ قايتۇردى. ئىككى خەتىپ ۋە ئىككى شائىر مۇشائىرە ۋە مۇفاخىرىدن توختىۋىدى، ئەلچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئەقرەئە ئىبنى ھابىس: ‹‹ئۇنىڭ (رەسۇلۇللاھنىڭ) شائىرى بىزنىڭ شائىرىمىزدىن فائىق (ماھىر) ئىكەن. ئۇنىڭ خەتىبى بىزنىڭ ناتىقىىمىزدىن سۆزمەن ئىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاۋازى بىزنىڭ ئاۋازىمىزدىن جاراڭلىق ھەم ئۈنلۈك ئىكەن ››، دېدى. ئاندىن ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋالدى ۋە ئۇلارغا خۇتۇن باللىرنى قايتۇرۇپ بەردى.
2- قۇتبە ئىبنى ئامىر قوشۇنى:
مۇشۇ يىلى سەپەر ئېيىدا تەبالە تەۋەلىكىدىن تۇربىگە يېقىن جايدا ئولتۇراقلاشقان خەسئەم قەبىلىسىنىڭ بىر ئايمىقىغا ئەۋەتىلدى. قۇتبە باشچىلىغىدىكى قوشۇن يىگىرمە ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەر ئىككىسى بىردىن تۆگىگە نۆۋەتلىشىپ مىنىپ ماڭدى. قوشۇن دۈشمەنگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېلىشتى. نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپتىن خېلى كۆپ كىشى يارىدار بولدى. قوشۇن ئەمىر لەشكىرى قۇتبە ۋە يەنە بىر قانچە كىشى شەھىد بولۇپ كەتتى. ئاخىرى مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلىپ دۈشمەننىڭ قوي-چارۋا ۋە قىز-خوتۇنلىرىنى مەدىنىگە ھەيدەپ كەلدى.
3- زەھھاك ئىبنى سۇفيان ئەلكىلابى قوشۇنى:
بۇ قوشۇن مۇشۇ يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەلدە بەنى كلاب خەلقىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىدى. بەنى كىلاب خەلقى دەۋەتكە قايىل بولماي ئارىدا ئۇرۇش يۈز بەردى. ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلارئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، دۈشمەن تەرەپتىن بىر ئادەم ئۆلدى.
4- ئەلقەمە ئىبنى مۇجەززىز مۇدەللىجى قوشۇنى:
بۇ قوشۇن مۇشۇ يىلى رەبىئۇل ئاخىر(4-ئاي)دا ئەلقەمە باشچىلىقىدا ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن جىددە دېڭىز ساھىلىغا ئەۋەتىلدى. سەۋەبى ھەبەشلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر جىددە ساھىلىغا توپلىنىپ، مەككىلىكلەرگە قارشى قاراقچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇشنى پىلانلىغان ئىدى. ئەلقەمە جىددىگە يېتىپ بېرىپ دېڭىزغا ئىچكىرلەپ كىرىپ بىر ئارالغا ئۆتكەنىدى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ زەربىسىدىن قورقۇپ تاراپ كېتىشتى.
5- ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ قوشۇنى:
مەزكۇر قوشۇن مۇشۇ يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەلدە تەي قەبىلىسنىڭ قەلەس ناملىق بۇتىنى چېقىۋىتىشكە ئەۋەتىلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى 150 ئادەم، 100 تۆگە ۋە 50 ئات بىلەن يولغا سالدى. ئۇنىڭغا بىردانە قارا بايراق ۋە بىر دانە ئاق رەڭلىك تۇغ قاداپ بەردى.
قوشۇن ھاتەمنىڭ مەھەللىسىگە يېتىپ بېرىپ تاڭ سەھەردە ھۇجۇمنى باشلىۋەتتى. ئۇلار جاھان يورىغۇچە قەلەس بۇتىنى چېقىپ تاشلاپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەسىر ئېلىپ، قوي-كالىلارنى يىغىپ بىر ياقلىق قىلىپ بولغانىدى. ئەسىرلەر ئىچىدە ئەدىي ئىبنى ھاتەمنىڭ ھەمشىرىسىمۇ بار ئىدى. ئەدىي ئىبنى ھاتەم شامغا قېچىپ كەتكەن ئىدى. مۇسۇلمانلار قەلەس بۇتىنىڭ ئامبىرىدا ئۈچ دانە قىلىچ ۋە ئۈچ دانە ساۋۇتنى بايقىدى. ئۇلار ئوتتۇرا يولغا كەلگەندە غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلىپ بۆلۈۋېلىشتى. چاپسان كەلمەي قالغان غەنىمەتلەرنى رەسۇلۇللاھقا ئاتاپ ئايرىپ قويۇشتى. شۇ قاتاردا ئەدىي ئىبنى ھاتەمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىمۇ تەقسىم قىلىشمىغانىدى. ئەسىرلەر مەدىنىگە ئېلىپ كىلىنگەندىن كېيىن ئەدىي ئىبنى ھاتەمنىڭ ھەمشىرىسى رەسۇلۇللاھقا يالۋۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى رەسۇلۇللاھ! مۇرەببىم يوقاپ كەتتى، ئاتا-ئانامدىن ئايرىلىپ قالدىم. مەن بىر ياشىنىپ قالغان مىسكىن ئايالمەن، ماڭا ياخشىلىق قىلسىلا، ئاللاھ ئۆزلىرگىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلار»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «سېنىڭ مۇرەببىڭ كىم ئىدى؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال: «ئەدى ئىبنى ھاتەم»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن قاچقان ئەدىي» دېدى-دە، ئىشىغا راۋان بولدى. ئەتىسى يەنە ھېلىقى ئايال ئالدىنقى كۈندىكىدەكلا يالۋۇردى. رەسۇلۇللاھمۇ ئوخشاشلا جاۋاپ بېرىپ قويدى. ئۈچىنچى كۈنى ئۇ ئايال يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئالدىنقى كۈندىكى سۆزىنى تەكرارلىدى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئېھسان قىلىپ قويۇۋەتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئەر كىشى (ئۇ ئەلى ئىدى دىگۈچىلەرمۇ بار) بار ئىدى. ئۇ ھېلىقى ئايالغا: «رەسۇلۇللاھتىن ئۇلاغ سورىمامسەن؟» دېدى. ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھقا: «ماڭا ئۇلاغ بەرسىلە»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنۇڭغا بىر تۆگە بۇيرۇدى.
ئەدىينىڭ ھەمشىرىسى مەدىنىدىن چىقىپ ئۇدۇل شامغا —قېرىندىشى ئەدىي ئىبنى ھاتەمنىڭ يېنىغا باردى. ئۇ قېرىندىشىغا: «رەسۇلۇللاھ ئاتاڭ قىلمىغان ئىشنى قىلدى، شۇڭا سەن مەيلى رىغبىتىڭ بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بارغىن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەدىي ھېچقانداق پاناھلىقى ياكى ئامانلىق ئەھدىسى بولمىغان ئەھۋالدا يولغا چىقىپ مەدىنىگە كەلدى ۋە ئۇدۇللا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشىك تۈۋىدە توختىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ: ‹‹نېمە دەپ قاچتىڭ؟ لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىشتىن قاچتىڭمۇ؟ بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلەمسەن يە؟›› دەپ سورىدى. ئەدىي: ‹‹ياق››، دەپ جاۋاپ بەردى. رەسۇلۇللاھ يەنە بىر ھازا گەپ قىلغاندىن كېيىن يەنە: «ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىلگەنگە قاچامسەن؟ ياكى ئاللاھتىنمۇ ئۇلۇغ بىر شەيئىنى بىلەمسەن؟›› دېدى. ئەدىي: «ياق»، دەپ جاۋاپ بەردى. رەسۇلۇللاھ: «يەھۇدىيلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغانلاردۇر، ناسارالار بولسا ئازغۇن مىللەتتۇر» دېگەن ئىدى، ئەدىي: ‹‹مەن ھەقىقەت ياقلىغۇچى مۇسۇلماندۇرمەن››، دېدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ چىرايى خۇشاللىقىدىن جىلۋىلەندى ۋە ئۇنى ئەنسارلاردىن بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەتە ئاخشام كۆرۈشۈپ تۇردى. ئىبنى ئىسھاقنىڭ ئەدىي ئىبنى ھاتەمدىن نەقىل قىلغان بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: رسۇلۇللاھ مېنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ مۇنداق دېگەن: «سۆزلىگىن ئى ئەدىي ئىبنى ھاتەم! سەن روكوسى ئەمەسمىدىڭ». مەن: «ھەئە، شۇنداق ئىدىم»، دەپ جاۋاپ بەردىم، رەسۇلۇللاھ: «سەن خەلقنىڭ ئارىسىدا ‹ مىربائ› (غەنىمەتنىڭ 4 دىن 1 نى ئايرىۋىلىش ھوقۇقى)غا ئىگە ئەمەسمىدىڭ؟»، دەپ سورىدى. مەن: «ھەئە، شۇنداق ئىدى» دىسەم، رەسۇلۇللاھ: «سېنىڭ دىنىڭدا ئاشۇنداق قىلىش ھارام ئىدىغۇ؟» دېدى، مەن: ‹‹ئەزبىرايى خۇدا، شۇنداق ئىدى››، دېدىم ۋە شۇئان بىلدىمكى، ئۇ چوقۇم بەرھەق پەيغەمبەر ئىكەن، پەيغەمبەردىن باشقا كىشى ئۇقمايدىغاننى بىلىدىكەن، دەپ جەزىم قىلدىم.
ئىمام ئەھمەدنىڭ بىر رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ ماڭا: ‹‹ئى ئەدىي مۇسۇلمان بولغىن، ئامان بولىسەن››، دېگەن. ئەدىي: ‹‹مەن دىندارمەن››، دېگەن. رەسۇلۇللاھ: «سېنىڭ دىنىڭنى مەن سىنىڭدىن ئوبدانراق بىلىمەن»، دېگەن. ئەدىي: ‹‹مېنىڭ دىنىمنى مېنىڭدىن ئوبدان بىلەمسەن؟» دەپ سورىغان. رەسۇلۇللاھ: ‹‹ ھەئە، سەن روكوسى ئەمەسمۇ؟ سەن خەلقنىڭ ئارىسىدا مىربائ (غەنىمەتنىڭ 4\1نى) نى يەۋالىسەن ئەمەسمۇ؟ ›› دېگەن. ئەدىي: ‹‹ھەئە، شۇنداق» دىگەن. رەسۇلۇللاھ: ‹‹شۇنداق قىلىش سىنىڭ دىنىڭدە قەتئىي ھالال بولمايدۇ، ئەمەسمۇ؟›› دېگەن. ئەدىي مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ ماڭا شۇ گەپلەرنى قىلىۋىدى، مەن ئۇنىڭغا قايتا گەپ قىلماي رازى بولۇپ ئولتۇردۇم››.
ئىمام بۇخارى ئەدىي ئىبنى ھاتەمدىن نەقىل كەلتۈرگەن ھەدىستە ئەدىي مۇنداق دېگەن: «بىر چاغدا بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىدۇق، بىر كىشى كېلىپ رەسۇلۇللاھقا نامراتلىقتىن داتلاندى. ئارقىدىن يەنە بىر كىشى كېلىپ ئۇنىڭغا يولنىڭ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى (قاراقچى ۋە بۇلاڭچىلارنىڭ خەۋپى)نى شىكايەت قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئەدىيگە: «ئى ئەدىي! سەن ھىيرە دېگەن شەھەرنى كۆرگەنمۇ؟ ئەگەر ئۆمرۈڭ يار بەرسە يالغۇز بىر ئايال ھىرەدىن يولغا چىقىپ، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىپ قايتىدۇ. ئۇ ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدۇ، يەنە ئۆمرۈڭ بولسا كىسرا (ئىران خانىدانلىقى)نىڭ خەزىنە ۋە دەپىنىلىرىنى پەتھى (ئىشغال) قىلىسىلەر! ئى ئەدىي ئۆمرۈڭ بولسا، يەنە بىرئادەم سەدىقە ئۈچۈن قولىغا لىق ئالتۇن-كۈمۈشنى توشقۇزۇپ چىقىپ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەمنى ئىزدەيدۇ، ھەتتا تاپالمايدۇ»، دېگەن، ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا ئەدىي مۇنداق دېگەن: «مەن ھېلىقى (رەسۇلۇللاھ خەۋەر قىلغان) مۇساپىر خوتۇننىڭ ھىرەدىن (ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ئەلدىن) يالغۇز يولغا چىقىپ بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىپ قايتقانلىقىنى، ئاللاھدىن ئۆزگە ھېچ كىشىدىن ئەنسىرىمەيۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. كىسرا ئىبنى ھورمۇز (ئىران خانى) نىڭ خەزىنە قۇلۇپلىرىنى چاققانلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم. ئەمدى ئاللاھ خالىسا، پەيغەمبىرىمىز ئېيتقان (كىشى قولىغا لىق ئالتۇننى ئېلىپ چىقىدۇ) دېگەن خەۋەرنى سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلار يار بەرسە كۆرەرسىلەر»، دېدى.
تەبۇك غازىتى
بۆلۈم: “تەبۇك غازىتى”ھىجرىيەنىڭ 9- يىلى رەجەپ (7- ئاي)
شۇنىسى ئېنىقكى، مەككە پەتھىسى ھەقىقەت (توغرا، ھەققانىي ئەقىدە ۋە ساغلام ھايات يولى) بىلەن باتىل(خاتالىق) ئوتتۇرسىنى كەسكىن ئايرىغان ھەل قىلغۇچ پاسىل بولغانىدى. بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ نەزىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ (بەرھەق پەيغەمبەرلىكى)گە نىسبەتەن شەك ۋە گۈمان قىلىشقا قىلچە ئۇرۇن قالمىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ ۋەقەدىن كېيىن تارىخنىڭ چاقى تامامەن ئۆزگىچە ئايلاندى. كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ-توپ بولۇپ كىرىشكە باشلىدى. (بىز بۇنى ئەلچىلەر ھەققىدىكى بايانلاردىن ۋە يەنە ھەججەتۇلۋىدا(ۋىدالىشىش ھەجى) دىكى قاتناشچىلارنىڭ سانىدىن كۆرۈۋالالايمىز) ئىچكى قىيىنچىلىقلار تۈگەپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۈگىنىش ۋە ئۆگۇتۇش ئۈچۈن ھەمدە ئىسلامى دەۋەتنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەنىدى.
غازاتنىڭ سەۋەبى
لېكىن، بۇ يەردە مۇسۇلمانلارغا تەھدىت بولۇپ تۇرغان بىر دۈشمەن كۈچى بار بولۇپ ئۇ بولسىمۇ (ئەينى دەۋردىكى يەر شارى بويىچە ھەربىي كۈچى ئەڭ زور) رۇم خاندانلىق ئىدى.
بىز ئالدىنقى باپتىكى بايانلاردا ئۇلار بىلەن بولغان توقۇنۇشنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلچىسى(ھارس ئىبنى ئۇمەير ئەلئەزدى) ئۇنىڭ بۇسرا ۋالىيسىغا يوللىغان مەكتۇبىنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا شۇرەھبىل ئىبنى ئەمرى ئەلغەسسانى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن تارتىپ باشلانغانلىقىنى، رەسۇلۇللاھ ھارىسنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن زەيد ئىبنى ھارىس قوشۇنىنى ئەۋەتىپ قوشۇن رۇملۇقلار بىلەن مۇئتە دېگەن جايدا دەھشەتلىك ئېلىشقانلىقىنى ئەمما ئۇرۇشتا ئاشۇ زومىگەر زالىملاردىن ئىنتىقام ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان بولىسىمۇ، بىراق بۇ ئۇرۇشنىڭ يىراق-يېقىندىكى بارلىق ئەرەبلەر كۆڭلىدە مۇسۇلمانلارغا غالىبلىق تۇيغۇسى ئورناتقانلىقىدەك ياخشى تەسىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق.
شۇندىن كېيىن قەيسەر(رۇم خاندانى) مۇئتە ئۇرۇشىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كەلتۈرگەن ئىجابىي تەسىرلىرىنى ۋە ئۆز مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ رۇملۇقلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ مۇسۇلمانلارغا ئەل بولۇش كويىدا بولۇۋاتقانلىقىنى بۇ خىل ئىدىيىۋى بۇرۇلۇش ئۇنىڭ چېگرىسى ئىچىگە قەدەممۇ-قەدەم ئىچكىرلەپ ئەرەب شام چېگرىسىغا تەھدىت سېلىۋاتقان بىردىن-بىر چوڭ خەۋپ-خەتەر بولۇپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
شۇڭا ئۇ: «مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى زورىيىپ تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان چوڭ كۈچ ئايلىنىشىن بورۇن بولۇپمۇ رۇمغا قاراشلىق ئەرەب رايۇنلىرىدا چوڭ قالايمىقانچىلق ۋە ئىنقىلابلار يۈز بېرىشنىڭ بۇرۇن چوقۇم ئۇلار (يەنى مۇسۇلمانلار)نىڭ كۈچىنى يوقىتىۋېتىش كېرەك»، دەپ قارىدى.
مۇشۇ ئەھۋاللاغا ئاساسەن موئتە ئۇرۇشىغا تولۇق بىر يىل بولماي تۇرۇپلا قەيسەر(رۇم خانىدانى) رۇملۇقلار ۋە رۇمغا قاراشلىق غەسسان ئەرەبلىرى ۋە باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىدىن قوشۇن تەشكىللەشكە كىرىشتى ۋە چوڭ قانلىق تۇقۇنۇشقا تەييارلىق كۆردى.
رۇملۇقلار ۋە غەسسانلارنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى ھەققىدىكى تولۇقسىز مەلۇمات
رۇملۇقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا كەڭ-كۆلەمدە ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر مەدىنىگە ھەر تەرەپتىن ئۇچۇپ كېلىشكە باشلىدى. ھەتتا خەۋپ ۋە ئەندىشە شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ئۇلار مەدىنىدە شۇنداق بىر غەيرى سادا ئاڭلانسىمۇ: «رۇملۇقلارنىڭ تاجاۋۇزى» دەپ ئويلاپ قالىدىغان بولدى.
بۇ خىل ئەندىشە ۋە تەشۋىش ھالىتىنى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ مۇنداق بىر ۋەقەگە بىلدۈرگەن ئىپادىسىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
مۇشۇ يىلى(ھىجىرىيىنىڭ 9- يىلى) مەلۇم بىر ئايدا رەسۇلۇللاھ ئاياللىرىغا بىر ئاي يېقىن بارماسلىققا قەسەم قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆينىڭ ئۈستىدىكى بالىخانىغا چىقىۋېلىپ ئۇلار(يەنى ئاياللىرى)دىن ئايرىلىپ تۇرغانىدى. ساھابە كىراملار دەسلەپتە ئىشنىڭ تېگىنى ئۇقماي، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا تالاق قىلىۋەتكەن چېغى، شۇڭا ھېچقايسى ئايالى بىلەن ئارايىش قىلمايدىغان چېغى دەپ ئويلاپ غەمگە پاتتى ۋە قاتتىق بىئارام بولۇشتى.
ئۆمەر (بۇ ۋەقەنى نەقىل قىلىپ) مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەنسارلاردىن بىر قېرىندىشىم بار ئىدى. مەن مەدىنىگە كىرەلمەي قالسام، ئۇ شۇ كۈننىڭ خەۋىرىنى ماڭا يەتكۈزەتتى، ئۇ كىرەلمىگەندە مەن يەتكۈزەتتىم (بىز مەدىنىنىڭ يۇقىرىسىدىكى بىر مەھەللىدە ئولتۇراتتۇق. رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا نۆۋەت بىلەن كىرىپ چىقاتتۇق) شۇ چاغلاردا بىز غەسسان پادىشاھلىرىدىن بولغان بىر پادىشاھتىن ئەنسىرەيتتۇق. ئاڭلىشىمىزچە، ئۇ بىزگە قارشى قوشۇن تەشكىللەۋېتىپتىكەن. بىز ئۇنىڭدىن ئىنتايىن ھۇشيار ھالەتتە ئىدۇق. بىر كۈنى ھېلىقى دوستۇم ئۇشتۇمتۇت ئىشىكىمنى قېقىپ: «ئاچ! ئاچ!»دېدى، مەن: «غەسسانلار كەپتىمۇ؟» دېسەم، ئۇ: «بەلكى، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىش بولۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ ئاياللىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ»، دېدى (سەھىھۇل بۇخارى).
يەنە بىر ئىبارىدە ئۆمەر مۇنداق دېگەن: «ئاڭلاشلارغا قارىغاندا غەسسان تەرەپ بىزگە ھۇجۇم قوزغاش ئۈچۈن ئاتلانغان ئىكەن، بىر كۈنى ھېلىقى مېنىڭ دوستۇم نۆۋەت بويىچە مەدىنىگە كىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ كەچتە چىقىپ ئىشىكىمىنى قاتتىق ئۇردى ۋە: «ئۇخلاپ قالدىڭمۇ؟» دەپ توۋلىدى، مەن ناھايىتى قورققان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتىم، ئۇ: «چاتاق بوپتۇ» دېدى، مەن: «نېمە ئىش بوپتۇ؟ غەسسانلار كەپتۇمۇ؟»دېسەم، ئۇ: «ياق ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ھەم يامان ئىش بوپتۇ، رەسۇلۇللاھ ئاياللىرىنى تالاق قىلىۋېتىپتۇ» دېدى(سەھىھۇل بۇخارى)
مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، مۇسۇلمانلارنىڭ رۇم دائىرلىرىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۆتكۈنچى دەۋرى ئىنتايىن جىددى ھەم ۋەھىمىلىك بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇملۇقلارنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مەدىنىگە يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ مەدىنىدىكى يەرلىك مۇناپىقلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۇرۋەتكەن. بۇ مۇناپىقلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەر قايسى جەڭ مەيدانلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ يەر يۈزىدىكى ھېچ قانداق بىر سۇلتاندىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۆز يولىدا پەيدا بولغان ھەر قانداق كاشىلىنى چوقۇم سۈپۈرۈپ تاشلىيالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنىلا كۆڭلىدە يوشۇرۇپ كەلگەن رەزىل خام خىياللىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى، ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا تۆت كۈزى بىلەن كۈتكەن يامانلىقلارنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىدىن ئۈمىدىنى تېخىچە ئۈزمىگەنىدى، شۇڭا ئۇلار بۇ قېتىم ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتى ۋە ھەرىكىتىنى تېزلەتتى.
ئۇلار بۇ قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ رەزىل ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ۋاقتى يېقىنلاپ كەلدى، دەپ قاراپ مەدىنىدە سۇيىقەسىت پىلانلاش ۋە دۈشمەن كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش مەقسىتىدە، مەسجىد نامىدا رەزىللىك ئۇۋىسىدىن بىرنى تەسىس قىلدى. ئۇ بولسىمۇ تارىختىكى زىرار مەسجىدى (يەنى زىيانلىق مەسجىد)ئىدى. ئۇلار ئۇ مەسجىدنى كۇفرىنى قايتا باش كۆتۈرگۈزۈش، مۆئىمىن مۇسولمانلار ئارىسىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ۋە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى تۇرغۇچىلار(ئەبۇ ئامىر راھىبقا ئوخشاش) ئۈچۈن تايانچ بازا تەسىس قىلىشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئۇلار تېخى رەسۇلۇللاھنى بۇ مەسجىدتە تەبەرۇكەن ناماز ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت مۇئمىنلەرنى ئالداش ۋە بۇ مەسجىدتە كەلگۈسى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىغۋاگەرچىلىك ۋە دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش سۇيقەستچىلىك ھەرىكەتلىرىنى چىرايلىقچە نىقاپلاش ئۈچۈن ئىدى. شۇنداق بولغاندا مۇسۇلمانلار بۇ جاينى مەسجىد دەپ بىلەتتى-دە، بۇ يەرگە كەلگەن-كەتكەنلەرگە دىققەت قىلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي مۇناپىقلار ۋە ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى بۇزغۇنچى ئۇنسۇر (ئەبۇ ئامىر راھىبقا ئوخشاش)لىرىنىڭ كۇفرى ۋە نىغاق مىكروپلىرىنى ئۆستۈرۈپ تارقىتىدىغان ئىنتايىن ئەپلىك ۋە بىخەتەر ئۇۋىسىغا ئايلىناتتى.
لېكىن رەسۇلۇللاھ ئۇرۇش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا ناماز ئۇقۇپ بىرىش ئىشىنى (غازاتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنگە) كەينىگە سۇردى، نەتىجىدە ئۇلار مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايلا قالماستىن بەلكى سۇيىقەستى پاش بولۇپ قېلىپ ئەل ئارىسىدا رەسۋا بولدى. كېيىن رەسۇلۇللاھ غازاتتىن قايتىپ كېلىپ ناماز ئوقۇپ بىرىشنىڭ ئورنىغا قۇراللىق قوشۇن ئەۋەتىپ ھېلىقى مەسجىد نامىدىكى ئۇۋىنى چۇۋۇۋەتتى.
رۇم تەرەپنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى مەلۇمات
يۇقىرىقىلار مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن ئەھۋاللار ۋە تاپشۇرۇۋالغان ئاخباراتلار ئىدى. شۇ ئەسنادا ئۇشتۇمتۇت شامدىن مەدىنىگە ياغ ئېلىپ كېلىدىغان ئەنبات قەبىلىسىگە تەۋە ئەرەب سودىگەرلىرى كەلدى، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە «ھىرەقلى» (رۇم پادىشاھى) قىرىق مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ ئۇنىڭ قوماندانلىقىنى رۇملۇقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان بىر كىشىگە تۇتقۇزغان. ئۇ يەنە بۇ ئۇرۇشقا ئەرەب خىرىستىئانلىرىدىن لەخمى، جۇزام ۋە باشقا قەبىلىلەرنى قاتنىشىشقا چاقىرغان. قوشۇننىڭ ئالدى بەلقا(مۇسۇلمانلار بىلەن چىگىرىلىنىدىغان شامغا تەۋە شەھەرنىڭ نامى)غا كىلىپ ئورۇنلاشقان ۋەھاكازالار بولدى. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ چوڭ بىر خەۋپ-خەتەرنىڭ قارا كولەڭگىسى پۇلاڭلاشقا باشلىدى.
ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشتى
مەدىنىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى،چۈنكى ئادەملەر نامرات قىيىنچىلىقى ئېغىر، ئۇلاغ-ئىلمەكىلىرى يولغا يارىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەدىنە خورمىلىرى مىلىق-مىلىق پىشقان مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالغان بولغاچقا، ئادەملەر باغ-ۋارانلىرىدىن ۋە سايلىق دەرەخلىرىنىڭ تۈۋىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى، قىسقىسى بۇنداق بىئەپ چاغدا سەپەرگە چىقىشنى ھېچكىم ياقتۇرمايتتى. بۇنى ئاز دەپ مۇساپە ئۇزاق، يول يۈرۇش جاپالىق، قىيىنچىلىق ئېغىر ئىدى.
رەسۇلۇللاھ ئەھۋالنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر كەسكىن قارار چىقاردى
پايدىسىز ئامىللار نۇرغۇن ئەمەلىي ئەھۋاللار ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ، شارائىت قىيىن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن رەسۇلۇللاھ دەۋر شارائىتى ۋە ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ھەممىدىن ئىنچىكە ۋە ھەممىدىن بەك يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن نەزەر سېلىپ تۇرۇۋاتاتتى.
ئۇ: «ناۋادا بۇ قېتىم مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە رۇم تاجاۋۇزچى قوشۇنىنىڭ پەيلىگە سەل قاراپ بىپەرۋالىق قىلىنسا ۋە ئۇلارنى مۇسۇلمانلار كونتروللىقىدىكى رايۇنلاردا قالايمىقان مالقايلاپ يۈرۇشكە ، ھەتتا مەدىنىگىچە ئات چاپتۇرۇپ كېلىشكە يول قويۇلسا ئۇنىڭ ئىسلام دەۋىتىگە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي شانۇ-شەۋكىتىگە تەسىرى قانداق بولىدۇ؟ ئەمدىلا ھۇنەين ۋەقەسىدىن قاقشاتقۇچ زەربىگە يولۇققان ۋە ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرى بىلەن جان تالىشىۋاتقان جاھىلىيەت ئېقىمى بۇ چاغدا قايتا جانلىنىپ يەنە باش كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ كۈتۈلمىگەن تالاپەتكە يولىقىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان ۋە پاسىق ئەبى ئامىر ئارقىلىق رۇم خانىدانى بىلەن خۇپىيانە ئالاقىلىشىپ ئېغىز-بۇرۇن يالىشىۋاتقان مۇناپىقلار رۇم تەرەپ مۇسۇلمانلارغا ئالدى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان ھامان ئۇلارنىڭ، كەينىدىن زەربە بىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يېقىنغۇ؟ ئۇنداق بولغاندا رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابە كىراملارنىڭ ئىسلامنى تارقىتىش يولىدا تۆلىگەن ئاجايىپ زور بەدەللىرى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى نۆلگە تەڭ بولمامدۇ ھەمدە شۇنچە ئۇزاق يىللاردىن بىرى قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ جاپالىق ھەربىي يۈرۈشلەرنى قوزغاپ مىڭ مۇشەققەتتە ئېرىشكەن نەتىجە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسانلا قولدىن كەتمەمدۇ؟قىسقىسى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈن-تۈنسىز يوقىلىدۇ، خالاس»، دېگەنلەرنى ئويلايتتى.
رەسۇلۇللاھ مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى ئوبدان ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى. شۇڭا ئۇ (بۇ قېتىم شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر) دۈشمەن تەرەپنىڭ چېگرا تەۋەلىكىگە كەڭ كۆلەملىك غازات قوزغاپ ئۇلارنىڭ ئىسلام دىيارىغا باستۇرۇپ كىرىشنىڭ قەتئى ئالدىنى ئېلىشنى قارار قىلدى.
رۇم بىلەن بولىدىغان جەڭگە تەييارلىق كۆرۈش چاقىرىقى
رەسۇلۇللاھ ۋەزىيەتنى مانا مۇشۇنداق توغرا مۆلچەرلىگەندىن كېيىن ساھابە كىراملارغا ئۇرۇش تەييارلىقى كۆرۈشكە چاقىرىق قىلدى. مەككە ۋە باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلدى. ئىلگىركى غازاتلاردا دۈشمەنگە تۇيدۇرماسلىق يۈزىسىدىن غازات نىشانىنى ئاشكارىلىمايتتى، لېكىن بۇ قېتىم ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكى ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئېغىرلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ رۇملۇقلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە تولۇق تەييارلىق كۆرۈۋالسۇن ئۈچۈن ئەھۋالنى ئىنىق دەپ ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنى جىھادقا چاقىردى. شۇ ئەسنادا سۇرە بارائەتنىڭ بىر قىسمى نازىل بولۇپ ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ جاسارىتىگە ۋە جەڭگىۋارلىق روھىغا ئىلھام مەدەت بىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ يەنە مۇسۇلمانلارنى بۇ ئۇرۇشقا كۆپرەك ئىئانە بىرىشكە، ئاللاھنىڭ يولىدا ناچار ياكى ئەتىۋار دىمەي خەيرى ساخاۋەت قىلىشقا چاقىردى.
مۇسۇلمانلار بەس-بەستە غازات تەييارلىقىغا ئاتلاندى
مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ رۇمغا قارشى ئۇرۇش چاقىرىقىنى ئاڭلىغان ھامان بەس-بەستە ئاۋاز قوشتى. ئۇلار قول-قولچە تەييارلىق كۆرۈپ ناھايىتى تېزلىكتە مەدىنىگە ھازىر بولۇشتى. ھەش-پەش دىگۈچە ھەر قايسى ئايماقلاردىن ئورۇق-سېمىز تۆگە-تايلاقلارغا مىنىپ، ھەر قايسى كوچا-چىغىرلاردىن مەدىنىگە ئېقىشقا باشلىدى.
بۇ غازاتتىن دىلىدا مۇناپىقلىق كېسىلى بارلاردىن باشقا (ئۈچ نەپەر كىشى بۇلاردىن مۇستەسنادۇر) بىرمۇ ئادەم ئايرىلىپ قېلىشقا كۆڭلى ئۇنىمىدى. ھەتتا نامرات كەمبەغەل كىشىلەر خىراجەتتىن قىسىلغانلىقتىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارنى ئۇلاغقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشنى ئۇلارنىڭمۇ رۇم بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقاندا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق»، دېسە «ئۇلار(جىھاداقا چىقىشقا) سەرپ قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن غەمكىن بولۇپ كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشاتتى» سۇرە بەرائەت 92- ئايەت.
شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلار يەنە بەس-بەس بىلەن پۇل مال ئىئانە قىلدى. سەدىقە بەردى ۋە خەيرى ساخاۋەت قوللىرىنى كەڭ ئېچىۋەتتى. ئوسمان ئىبنى ئەففان شۇ كۈنلەردە 200 تۆگىنى توقام تارتۇقلىرى بىلەن ۋە 200 ئوقيە(بىر ئوقيە 12 دەرھەم ياكى 37.4 گىرام ئالتۇنغا تەڭ) نەق پۇلنى تىجارەت كارۋىنى تەشكىللەپ شامغا يولغا سالماقچى بولۇۋاتاتتى. ئۇ بۇ ماللارنىڭ ھەممىسىنى خۇدا يولىدا سەدىقە بىرىۋەتتى، ئارقىدىن يەنە 100 تۆگىنى ئىگەر جابدۇقلىرى بىلەن ئىئانە قىلدى، ئۇنىڭ كەينىدىن مىڭ دىنار(تىللا)نى كۆتۈرۈپ كېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىتىكىگە توككەنىدى رەسۇلۇللاھ دىنارلارنى شاراقلىتىپ ئوڭ قولىدىن سول قولىغا تۆكۈپ: «بۈگۈندىن ئىتىۋارەن ئوسمان قىلىپ سالغان ئىشلارنىڭ ئۇنىڭغا ھېچ زىينى بولمايدۇ» دەيتتى. ئاندىن ئوسمان يەنە ئارقا-ئارقىدىن ئەكىلىپ تۆككەن ئىئانىلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى نەق دىناردىن باشقا توققۇز يۈز تۆگە ۋە يۈز دانە ئات (ئىگەر جابدۇقلىرى بىلەن)قا يەتتى.
ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋف ئىككى يۈز ئوقيە ئىئانە قىلدى. ئەبۇ بەكرى سىددىق مال-دۇنياسىنىڭ جىمىسىنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ بۇ ئۇرۇشقا تۇنجى بولۇپ ئىئانە ئېلىپ كەلگەن كىشى بولۇپ :«ئائىلەمگە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى قالدۇردۇم » دېدى. ئۇ تۆت مىڭ دەرھەم ئىدى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ ئىقتىسادىنىڭ بېرىمىنى بۆلۇپ ئېلىپ كەلدى. ئابباسمۇ نۇرغۇن مال-دۇنيانى ئەكىلىپ تاشلىدى. تەلھە، سەئەد ئىبنى ئوبادە ۋە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەلەرمۇ نۇرغۇن مال ئىئانە قىلدى.
ئاسىم ئىبنى ئەديى 90 ۋەسەق(بىر ۋەسەق 150 كىلوگىرامغا تەڭ) خورما ئىئانە قىلدى.
بىر قانچە كۈندىن بىرى ئىئانە قىلغۇچىلانىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى ھەممە ئادەم ئازدۇر-كۆپتۇر سەدىقە ۋە ئىئانىلىرىنى ئېلىپ كەلدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېچ نەرسە تاپالمىسا بىر مۇد(ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ ھازىرقى 18 لىتىرغا تەڭ) ياكى ئىككى مۇد بولسىمۇ بىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى.
مۇسۇلمان ئاياللارمۇ قاراپ تۇرمىدى. ئۇلار قۇدرىتىنىڭ يىتىشىچە بىلەيزۈك، مۇنچاق، خالخال(پۇتقا سالىدىغان زىننەت بۇيۇمى) ھالقا، زىرە ۋە ئۈزۈك چاغلىق بىر نەرسىلىرىنى ئەۋەتىپ غازاتنى قوللىدى.
قىسقىسى بۇ قېتىم ھېچ كىم قول قوشتۇرۇپ تۇرمىدى. ھەممە ئادەم ئازدۇر-كۆپتۇر ئىئانە قىلدى، پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى تەبىئىتى رەزىللىك بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇناپىق بەتبەخلەرلا پۇل ماللىرىغا كۆز قىزارتىپ بىكارغا بىرىشكە چىدىمىدى. ئۇلار تېخى(يەنى مۇناپىقلار) «مۆئىمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن(كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يىتىشىچە(كەمبەغەل بولغاندىكىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيتتى ۋە مەسخىرە قىلاتتى» سۇرە تەۋبە 79- ئايەت.
لەشكىرى ئىسلام تەبۇكقا قاراپ ئاتلاندى
مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق جىددى تۇتۇشۇپ ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە ئۆز ئورنىدا مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنى(يەنى بىر سۆزدە سىبائ ئىبنى ئەرپەتەنى) قالدۇرۇپ يولغا چىقتى. ئۇ يولغا چىقىش ئالدىدا ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپنى قالدۇرۇپ ئۇنى مەخسۇس رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىگە قاراشقا بۇيرىدى. رەسۇلۇللاھ يۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن مۇناپىقلار ئەلىنى ئەيىپلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە گەپ تاپقانلىقتىن ئۇ دەرغەزەپ بولۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدىن يىتىشىۋالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى مەدىنىگە يەنە قايتۇرۇپ: «سەن بىلەن مەن ھارۇن بىلەن مۇساغا ئوخشاش بولساق رازى بولمامسەن؟ بىرلا مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ خالاس» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلىنى مەدىنىگە قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن تەبۇكقا قاراپ ئىلگىرىلىدى. لېكىن قوشۇننىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، (30 مىڭ كىشى بولۇپ مۇسۇلمانلار بۇنىڭ ئالدىدا بۇنداق زور كۆلەمدە تەشكىللىنىپ باقمىغان ئىدى) مۇسۇلمانلار گەرچە ئىئانە قوللىرىنى كەڭ ئېچىۋەتكەن بولسىمۇ، تولۇق تەييارلىق قىلالمىغان بولغاچقا، يەنىلا قوشۇندا ئۇزۇقلۇق ۋە ئۇلاغ مەسىلىسىدە زور قىيىنچىلىق كۆرۈلدى. 18 سەككىز ئادەم بىر تۆگىگە نۆۋەتلىشىپ مىنەتتى، بەزىدە ئۇلار دەل-دەرەخلەرنىڭ غازاڭ-يوپۇرماقىلىرىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ، ئېغىز ۋە لەۋلىرى ئىششىپ دودىيىپ كەتتى. تۆگە ئۇلاغلار مىنگىلى يىتىشمەيۋاتقاننىڭ ئۈستىگە ئۇسسۇزلۇق ئازابىغا چىدىماي(يوق دىسە يېتىپ ئىچىڭ دېگەندەك) تۆگىلەرنى ئۆلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ سۇ خالتىسىدىكى سۇلارنى ئىچىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ سەۋەپتىنمۇ بۇ قېتىمقى غازاتقا «جەيشۇلئوسرە» يەنى «قىيىنچىلىق غازىتى» دەپ نام بىرىلدى.
قوشۇن شىمالغا يۇرۇش سەپىرىدە ھىجرى (يەنى تارىختىكى سەمۇد خەلقىنىڭ تاش ئويۇپ بىنا قوپارغان جايى ۋادالقورا)دىن ئوتتى. كىشىلەر ئۇ يەرنىڭ قۇدۇقلىرىدىن سۇ تارتىپ ئىچمەكچى بولۇپ ئالدىراشقانىدى رەسۇلۇللاھ: «ئۇ يەرنىڭ قۇدۇقلىرىدىن سۇ ئىچمەڭلار، تاھارەتمۇ ئالماڭلار، ئۇنىڭ سۇيى بىلەن يۇغۇرۇلغان خېمىرنى تۆگە ئۇلاغلارغا ھەلەپ قىلىپ بىرىۋېتىڭلار، ئازراقمۇ يەپ سالماڭلار»دېدى ۋە ئۇلارنى پەيغەمبەر سالىھ (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ تۆگىسى سۇ ئىچىدىغان قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئىچىشكە بۇيرىدى.
سەھىھۇلبۇخارى بىلەن سەھىھۇلمۇسلىمدا ئىبنى ئۆمەردىن نەقىل قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «رەسۇلۇللاھ ھىجرى(ۋادىلقورادىكى بىر قەدىمكى خارابىلىقنىڭ نامى)دىن ئۆتكەندە: «ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ مەھەللىسىگە يىغا-زار بىلەن كىرىڭلار، شۇنداق قىلغاندا ئۇلارغا كەلگەن ئازاپ ئۇقىبەتلەر سىلەرگە كەلمىسە كېرەك» دېدى، ئاندىن بېشىنى مەھكەم ئوراپ ئۇلاغنى تىزلىتىپ ئاخىرى ھېلىقى ۋادىدىن ئوتۈپ كەتتى.
يول ئۈستىدە قوشۇننىڭ سۇغا بولغان ئىھتىياجى بەكمۇ ئېشىپ كېتىپ، ئاخىرى رەسۇلۇللاھقا ئۇسسۇلۇقتىن شىكايەت قىلىشتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئاللاھغا دۇئا قىلغانىدى ئاللاھ شۇئان بىر پارچە بۇلۇتنى ئەۋەتىپ يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، نەتىجىدە ھەممە ئادەم سۇغا قاندى ھەتتا قاچىلىرىنىمۇ توشقۇزۇۋېلىشتى.
رەسۇلۇللاھ تەبۇكقا يېقىنلاپ كېلىۋىدى ئۇ قوشۇنغا سۆز قىلىپ: «سىلەر ئاللاھ خالىسا ئەتە تەبۇكقا يىتىپ بارىسىلەر، سىلەر بەلكىم كۈن راسا قىزىغاندا ئاندىن يېتىپ بېرىشىڭلار مۇمكىن. ئۇ يەرگە بۇرۇن يىتىپ بارغانلار ئۇ يەرنىڭ سۇيىگە، مەن بارغۇچە قول تەككۈزمىسۇن» دېدى. بۇ ھەدىسىنى نەقىل قىلغۇچى مائاز (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن بىز ئەتىسى تەبۇك كەنتىگە يېتىپ باردۇق، ئۇ يەردىكى بىر بۇلاققا ئاللىقاچان ئىككى ئادەم يىتىپ بېرىپ بولۇپتۇ. بۇلاقنىڭ سۈيىمۇ ناھايىتى ئاز سىرغىپ تۇرىدىكەن، رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن: «بۇلاقنىڭ سۈيىگە قول تەككۈزدۇڭلارمۇ؟»دەپ سورىغان ئىدى، ئۇلار: «ھەئە، دەپ جاۋاب بەردى رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئازراق كايىدى، ئاندىن ھېلىقى بۇلاقتىن ئاز-ئازدىن ئۇچۇملاپ ئېلىپ بىر-ئىككى ئادەمنىڭ ئىچىشىگە يەتكىدەك سۇ يىغىلدى، رەسۇلۇللاھ بۇ سۇ بىلەن يۈز-كۆزىنى ۋە قولىنى يۇغاندىن كېيىن ھېلىقى بۇلاققا تۆككەنىدى بۇلاق شۇ ئان بۇلدۇقلاپ ئاققىلى تۇردى، ئادەملەر ھەممىسى ئىچىپ قاندى سۇ توختىماي ئېقىۋاتاتتى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «ئى مەئاز! ئۆمرۈڭ بولسا مۇشۇ يەرلەرنىڭ باغۇ-بوستانلىققا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن».
بىر كۈنى يول ئۈستىدە(ياكى تەبۇك كەنتىگە يىتىپ بېرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ رىۋايەت ئوخشاش ئەمەس) رەسۇلۇللاھ: «بۈگۈن كېچە قاتتىق بوران چىقىدۇ، ھېچكىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىسۇن، تۆگىسى بارلار تۆگىسېنىڭ پۇتىنى مەھكەم چېتىۋەتسۇن» دېدى راستىنلا شۇ كېچىسى قاتتىق بوران چىقىپ، بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرغانىكەن بۇران ئۇنى ئۈچۈرۇپ تەي(ئەرەبلەرنىڭ بىر قەبىلىسى ئورۇنلاشقان تاغنىڭ نامى)تېغى تەرەپكە ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى. رەسۇلۇللاھ بۇ قېتىمقى سەپەردە يول بويى نامازلارنى پىشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەمئى تەقدىم(يەنى بىرنى ئازراق كىچىكتۇرۇ پ يەنە بىرىنى ئازراق ئالدىغا سۇرۇپ بىرلەشتۇرۇپ ئۇقۇش) ئۇسۇلى بۇيىچە ئادا قىلىپ ماڭدى.
ئىسلام قوشۇنى تەبۇكقا ئۇرۇنلاشتى
ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ تەبۇك كەنتىگە يېتىپ كەلگەن ئىسلام قوشۇنى دۈشمەننىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن شۇ يەرگە بارىگاھ قۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ قوشۇنغا نۇتۇق سۆزلەپ ئاجايىپ پاساھەتلىك، لەبزى ئىخچام مەزمۇنى مول سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ قوشۇننى ئىككى دۇنيالىق بەخىت-سائادەتنىڭ ھۇلى بولغان جىھادنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى. ئۇ قورقۇنچاقلىقنىڭ نۇمۇسلۇق ئاقىۋىتىدىن ھەزەر ئەيلەتتى ۋە ئۇ دۇنيادىكى شەرمەندىچىلىكىتىن ئاگاھلاندۇردى.قورقتى، جەسۇر باتۇر بولۇشقا ئۇندىدى. ئۇ يەنە جاسارەت بىلەن شېھىد بولغانلارغا ئاخىرەتتە بولىدىغان ئالاھىدە ئىلتىپاتلار بىلەن خۇش بىشارەت بەردى. بۇنىڭ بىلەن قوشۇننىڭ ھارغىنلىقى چىقىپ روھى كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇق-تۈلۈك يىتىشمەسلىك، ھەربىي ئەسلىھەلەر كەمچىل بولۇش، يەر شارائىتى بىلەن تونۇشماسلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى كىلىپ چىققان غەم-ئەندىشىلەر زايىل بولدى. ھەممەيلەن روھىي جۇشقۇن، جەڭگىۋار قىياپەتكە كىردى، ئۇرۇش قىزغىنلىقى كۈچەيدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا: « جەڭ مەيدانى ھازىر بولسا شۇ پېتى ئۇرۇشۇپ، شېھىد بولساق» دەپ كېتىشتى.
ئەمما رۇم دائىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياللانما ئىتتىپاقداشلىرى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ قوشۇن تارتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەنلىرىگە قورقۇنچ، تىترەك ئولىشىپ سەراسىمىگە چۈشتى، ئۇلار باستۇرۇپ كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن قانداق چىكىنىش ئويىغا پاتتى ۋە كەلگەن پېتى تارقاپ كېتىش قارارىنى قىلىشىپ ئاستاغىنا تارقىلىپ كېتىشتى.
بۇنىڭ بىلەن تەبۇك غازىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى. ئەمما بۇ غازات مۇسۇلمانلارنىڭ ئارالنىڭ ئىچى سىرتىدىكى شان-شەۋكىتىنى ئىلگىركىدىن ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئەمدى ھەر قانداق بىر دۈشمەن كۈچ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەربىي كۈچىنى سەل چاغلىمايدىغان بولدى. مۇسۇلمانلار بۇ قېتىمقى تىنىچ ئۇرۇش بىلەن قانلىق ئېلىشىقاندا قولغا كېلىشى تەسكە توختايدىغان غايەت زور سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇۋەپپەقەيەتلەر ئېرىشتى. جۇملىدىن ئەيلە ھاكىمى يۇھەننا ئىبنى روبە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن باج خىراج تاپشۇرۇش ۋە ئەسلى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش توختامى ئىمزالىدى، ئارقىدىنلا جەربا ۋە ئەزروھ ۋەكىللىرى كېلىپ رەسۇلۇللاھقا باج خىراج تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. رەسۇلۇللاھ بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ بىر نۇسخىسىنى ئۇلارنىڭ قولىدا قالدۇردى. رەسۇلۇللاھ ئەيلە ھاكىمىغا مۇنداق دەپ يېزىپ بەرگەن ئىدى:ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئەيلە ھاكىمى يوھەننا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە بىرىلگەن ئامانلىق خېتىدۇر. ئۇلارنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى ئاللاھنىڭ ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھىمايىسىدە ئامان ئىسەن بولىدۇ، شام ۋە دېڭىز ئاراللىرىدىكى ئاھالىلەردىن يوھەنناغا ئەگەشكەنلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، كىمكى ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلىدىكەن ئۇنىڭ مېلى جېنى كاپالەتلەندۈرۈلمەيدۇ. ئۇنداقلارنىڭ مال-مۇلكى كۈچى يەتسە ئالغانلارغا ھالالدۇر. كېلىشىمگە ئەمەل قىلغانلار مەيلى دېڭىز مەيلى قۇرۇقلۇقتا دەخلى تەئەررۇزسىز بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھ تەبۇكتا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە خالىد ئىبنى ۋەلىدنى 420 ئاتلىق بىلەن دۇمەتولجەندەلنىڭ ھاكىمى ئۇكەيدىر دېگەن كىشىنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى، رەسۇلۇللاھ خالىدقا : «سەن ئۇنى ئوۋ ئوۋلاۋاتقان يېرىدىن تاپىسەن» دېگەنىدى. خالىد يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭ قورغىنىدىن كۆز يىتىم مىقدارى يىراقلىقتا كۆزىتىپ تۇردى. بىر چاغدا بىر دانە ياۋا كالا كېلىپ ئۇنىڭ قەسىرىنىڭ دەرۋازىسىغا ئۈسۈشكە باشلىدى، ئوكەيدىر بۇنى تۇيۇپ كالىنى ئوۋلىغىلى چىقتى، كېچە بەكمۇ يورۇق ئايدىڭ ئىدى، شۇنىڭ بىلەن خالىد ئۇنى تۇتۇۋېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قېنىدىن كەچتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ تۆگە سەككىز يۈز تۇياق قوي، تۆت يۈز ساۋۇت ۋە تۆتيۈز نەيزە تاپشۇرۇش بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى. ئۇكەيدىر باج تاپشۇرۇشقا قايىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا يوھەنناغا يېزىپ بەرگەندەك دومە، تەبۇك ئەيلە ۋە تەيما قاتارىدا ئامانلىق مەكتۇپ نامىسى يېزىپ بەردى.
بۇ بىر قاتار پائالىيەتلەر رۇملۇقلار ئۈچۈن كەتمەن چاپىدىغان شىمالدىكى ئەرەب قەبىلىلىرىگە: «ئەمدى كونا تاجاۋۇزچى خوجايىنلىرىغا جان كۆيدۈرۈشنىڭ ۋاقتى كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى دەۋر چاقىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەتىگە قاراپ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدۇردى. شۇنداق قىلىپ بۇ يېڭى ئىسلام دۆلىتىنىڭ شىمالى چېگرىسى داۋاملىق كېڭىيىپ رۇم چىگرىسىغا بىۋاستە تۇتاشتى ۋە بۇ زېمىن تەۋەسىدىكى رۇم قولچۇماقچىلىرىمۇ ئەمدى بۇ زېمىندا مەڭگۈ قامچا ئوينىتالمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ، قاتتىق خۇرسىندى.
مەدىنىگە قايتىش
ئىسلام قوشۇنى تەبۇكتا نۇسرەت قازىنىپ زەپەر بىلەن مەدىنىگە قايتتى، ئۇلار ھېچقانداق پىشكەللىككە يولۇقمىدى. ئاللاھ مۆئىمىن مۇسۇلمانلارنى قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلىدى. قايىتش يولىدا بىر داۋان بويىغا كەلگەندە مۇناپىقلاردىن ئون ئىككى كىشى رەسۇلۇللاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى پىلانلىغان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق يۈز بەردى: رەسۇلۇللاھ قايتىش يولىدا ئاشۇ بىر داۋاندىن ئېشىۋاتاتتى ئەممار ئىبنى ياسىر رەسۇلۇللاھنىڭ تۆگىسىنى يىتىلەپ كىتىۋاتاتتى. ھۇزەيفە ئىبنى يەمان ئۇلاغنىڭ كەينىدىن ھەيدەپ كىلىۋاتاتتى، چوڭ قوشۇن تاغ باغرىدىكى تۈزلەڭلىكتىن ماڭغان ئىدى. بۇ مۇناپىقلار رەسۇلۇللاھنىڭ مۇھاپىزەتچىسىز ماڭغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قول سالماقچى بولدى. بىر چاغدا رەسۇلۇللاھ ھېلىقى ئىككى ھەمراسى بىلەن كېتىۋاتسا ئۇشتۇمتۇت ئارقىدىن بىر قانچە كىشىنىڭ گۈلۈپ-گۈلۈپ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى. ھەش-پەش دىگۈچە بىر قانچە قارا نىيەت دىۋەيلەپ كېلىۋاتاتتى. رەسۇلۇللاھ دەرھال ھۇزەيپەگە ئۇلارنىڭ ئۇلاغلىرىنىڭ بېشىغا قولىدىكى دۇبۇلغا بىلەن ئۇرۇپ ئۈركۈۇتىشنى بۇيرىدى، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ سالدى. ئۇلار كەلگەن پېتى قېچىپ قوشۇننىڭ ئارىسىغا قۇشۇلۇۋالدى. رەسۇلۇللاھ ھوزەيفەگە ئۇلانىڭ ئىسىملىكىنى ۋە پىلانلىغان سۇيقەستىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. شۇڭا ھۇزەيفە رەسۇلۇللاھنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىغۇچىسى دەپ ئاتالدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ﴿وھموا بما لم ينالوا﴾ تەرجىمىسى «ئۇلار ئەمەلگە ئاشمىغان سۇيقەستىنى پىلانلىدى»، دەپ جاكارلىدى.
رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە يېقىنلاپ كېلىپ مەدىنە شەھىرى كۆزگە يىراقتىن غىلپال كۆرۈنۈۋىدى رەسۇلۇللاھ: «بۇ تابە(ياخشى جاي)، ئاۋۇ ئۇھۇد تېغى. بىز ئۇنى سۆيىمىز، ئۇمۇ بىزنى سۆيىدۇ»، دېدى.
مەدىنە خەلقى رەسۇلۇللاھنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قوزغىلىپ كەتتى. ئاياللار، بالىلار ۋە قۇل چۆرىلەر قىزغىن ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىپ ئىسلام قوشۇنىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن چىقتى. ئۇلار قوشۇننىڭ قەدەملىرىگە تەڭكەش قىلىپ مۇنۇ نەزمىنى ئوقۇيتتى.
رەسۇلۇللاھ تولۇن ئايدەك چېچىپ نۇر،
بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ تولۇن ئايدەك چېچىپ نۇر،”چىقىپ كەلدى سەنىييەتۇل ۋىدا دىن.
خۇداغا شۈكرى قىلماق بىزگە لازىم،
بىرەر ئادەم قول ئۇزمىسىلا دۇئادىن.
رەسۇلۇللاھ تەبۇكقا رەجەپ (7-ئاي)دا ئاتلانغان ئىدى، رامىزان(9- ئاي)دا قايتىپ كەلدى. بۇ غازاتقا ئەللىك كۈندەك ۋاقىت سەرپ بولدى، بۇنىڭدىن 20 كۈن تەبۇكتا ئۆتتى، بىر ئايدەك ۋاقىت بېرىش-كېلىشكە كەتتى. تەبۇك غازىتى رەسۇلۇللاھ قاتناشقان ئەڭ ئاخىرقى غازات بولۇپ قالدى.
سەپتىن سۇغۇرۇلۋالغانلار
تەبۇك غازىتى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قىيىن شەرت-شارائىتى بىلەن ئاللاھنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ ئىمتىھان سىنىقى بولدى. بۇ غازاتتا ھەقىقىي، سەمىمىي سادىق مۆئىمىن مۇسۇلمانلار بىلەن شەكلى مۇسۇلمانلار ئايرىلدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا سىناش ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولۇپ ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَّا كَانَ اللّھُ لِيَۇَرَ الْمُۋْمِنِينَ ىَلَۈ مَژ ۆَنتُمْ ىَلَيْھِ چَتَّۈَ يَمِيزَ الْخَبِيڭَ مِنَ الطَّيِّبِ﴾ «ئاللاھ ياماننى(يەنى مۇناپىقنى ) ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغۇچە مۆئىمىنلەرنى(يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلاردا قويمايدۇ» سۇرە ئال ئىمران 179- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى. دېمەك بۇ غازاتقا ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرلا ئاتلاندى، ھەتتا بۇ غازاتتىن سۇغۇرۇلۇۋېلىش شۇ كىشىنىڭ مۇناپىقلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. بىرەر ئادەم چىقماسلىقىنى ئىرادە قىلىپ سۇغۇرلىۋالسا كىشىلەر ئۇنى رەسۇلۇللاھقا ئېيتسا رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، ئەگەر ئۇنىڭدا ياخشلىق بار بولسا ئاللاھ ئۇنى سىلەرگە چوقۇم قوشىدۇ. ئەمما ئۇنداق بولمىسا ئاللاھ سىلەرنى ئۇنىڭدىن ساقلىغان بولىدۇ»، دەيتتى. شۇڭا بۇ قېتىم راستىنلا ئۆزرىسى (ئەمەلىي قىيىنچىلىقى) بارلار ياكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغان ئېيتىپ يالغاندىن باھانە سەۋەپ كۆرسىتىپ قېپقىلىشقا رۇخسەت سورىغانلار ۋە ياكى باشتىن ئاخىر پەقەتلا رۇخسەتمۇ سورىماي ئۆيىگە كىرىپ يېتىۋالغان يۈزى قېلىن مۇناپىقلارلا قېپقالدى.
بۇ يەردە يەنە ھېچقانداق باھانىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا قېپقالغان سەمىمىي ياخشى مۇسۇلمانلاردىن پەقەت ئۈچ نەپەر كىشى بار بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى قاتتىق ئىمتىھان قىلىپ سىنغاندىن كېيىن يەنە تەۋبە ئاتا قىلدى. ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداقيۈزبەردى.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇدۇللا مەسجىدكە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇدى. ئاندىن ئادەملەر بىلەن كۆرۈشكىلى ئولتۇردى. بۇ چاغدا ئالدى بىلەن يەنىلا مۇناپىقلار (ئۇلار سەكسەن نەچچە ئادەم ئىدى) كېلىپ تۈرلۈك باھانە ۋە ئۆزرە (ئەمەلىي قىيىنچىلق)لەرنى كۆرسىتىپ قەسەم ئىچكىلى تۇردى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ تاشقى ئىپادىسىنى ئىتىبارغا ئېلىپ ناماقۇللىقىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ بەيئەتلەشتى ۋە مەغپىرەت تىلىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئاللاھقا تاپشۇردى، بىراق ھېلىقى ئاق كۆڭۈل مۇسۇلمانلار (ئۇلار كەئەب ئىبنى مالىك، مۇرارە ئىبنى رەبىئە ۋە ھىلال ئىبنى ئومەييەلەر ئىدى) راسچىللىقنى تاللاپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا يالغان-ياۋداق سۆزلەر بىلەن كەلمىدى. رەسۇلۇللاھمۇ ساھابىلەرنى ھېلىقى ئۈچ كشىگە گەپ قىلماسلىققا بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئۈچ كىشىگە نىسبەتەن كەڭ كۆلەمدە مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش جازاسى يۈرگۈزۈلدى. كىشلەرمۇ ئۇلارغا ياخشى قارىمىدى، ھەتتا ئانا تۇپراقمۇ ئەمدى ئۇلارنى قوينىغا ئالمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى. كەڭ جاھان تارلىق قىلدى، نەپسى سىقىلدى. ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى مۇناسىۋەت ئۇزۈش جازاسى يۈرگۈزۈلۈپ قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇلار خوتۇن، بالا-چاقىلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلارغا يۈرگۈزۈلگەن جازاغا 50 كۈن توشتى، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغانلىق ھەققىدە تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿وَىَلَۈ الڭَّلاَڭَەِ الَّۇِينَ خُلِّفُواْ چَتَّۈ إِۇَا گَاقَتْ ىَلَيْھِمُ الۆَرْگُ بِمَا رَچُبَتْ وَگَاقَتْ ىَلَيْھِمْ ۆَنفُسُھُمْ وَئَنُّواْ ۆَن لاَّ مَلْجَۆَ مِنَ اللّھِ إِلاَّ إِلَيْھِ ڭُمَّ تَابَ ىَلَيْھِمْ لِيَتُوبُواْ إِنَّ اللّھَ ھُوَ التَّوَّابُ الرَّچِيمُ﴾ «جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللا قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاغا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللانىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللا تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر» سۇرە تەۋبە 118- ئايەت.
بارلىق مۇسۇلمانلار خۇشال بولدى، بولۇپمۇ ھېلىقى ئۈچەيلەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە شادلىققا چۈمدى. ئۇلار بۇ قېتىم ئۆزلىرى سادىر قىلغان گۇناھىدىن پاكلانغانلىقىنى تەنتەنە قىلىشتى، كىشىلەر ئۇلارنى تەبرىكلىدى. ئەتراپتا شادلىق سادالىرى ياڭرىدى، كەلگەن-كەتكەنلەرگە سوغا سالاملارنى ھەدىيە قىلىشتى ۋە خەير-ساخاۋەتلەرنى ئاتىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ بەخىتلىك دەقىقىلەر بولۇپ قالدى.
ئەمما ئۆزرە سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى غازاتقا چىقالمىغانلار ھەققىدە ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى ﴿ لَّيْسَ ىَلَۈ الگُّىَفَاء وَلاَ ىَلَۈ الْمَرْگَۈ وَلاَ ىَلَۈ الَّۇِينَ لاَ يَجِدُونَ مَا يُنفِقُونَ چَرَجٌ إِۇَا نَپَچُواْ لِلّھِ وَرَسُولِھِ مَا ىَلَۈ الْمُچْسِنِينَ مِن سَبِيلٍ وَاللّھُ غَفُورٌ رَّچِيمٌ o وَلاَ ىَلَۈ الَّۇِينَ إِۇَا مَا ۆَتَوْكَ لِتَچْمِلَھُمْ قُلْتَ لاَ ۆَجِدُ مَا ۆَچْمِلُكُمْ ىَلَيْھِ تَوَلَّواْ وَّۆَىْيُنُھُمْ تَفِيگُ مِنَ الدَّمْىِ چَزَنًا ۆَلاَّ يَجِدُواْ مَا يُنفِقُونَ﴾ تەرجىمىسى:« ئاجىزلار (يەنى ياشانغان بوۋايلار)، كېسەللەر، (جىھادقا چىقىشقا) خىراجەت تاپالمىغانلار ئاللاغا ۋە ئاللانىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولسىلا، جىھادقا چىقمىسا گۇناھ بولمايدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە يول يوقتۇر، ئاللا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[91]. يەنە شۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوقتۇركى، ئۇلار (جىھادقا چىقىش ئۈچۈن) سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، (ئۇلارغا سەن) “مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق دىگەنلىكىڭ ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى» سۇرە تەۋبە 91-92-ئايەتلەر. بۇلار ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە يېقىنلاپ كەلگەندە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەدىنىدە بىر قىسىم كىشلەر قالغانكى، سىلەر مەيلى بىر مۇساپىنى بېسىڭلار، مەيلى بىر ۋادىنى كىسىپ ئۆتۈڭلار ئۇلار سىلەر بىلەن ساۋاپتا تەڭ شېرىك بولدى، ئۇلارنى ئۆزرە توسۇپ قويغان»، دېدى. ساھابىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار مەدىنىدە تۇرۇپ شۇنداق بولامدۇ؟» دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەئە ئۇلار مەدىنىدىن ئايرىلماي تۇرۇپمۇ شۇنداق ساۋاپقا ئىگە بولىدۇ» دىدى.
تەبۇك غازىتىنىڭ تەسىرى
بۆلۈم: “تەبۇك غازىتىنىڭ تەسىرى”بۇ غازات مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەرەب زېمىنىغا ھوكۆمىرانلىق نوپوزىنى تىكلىشى ئۈچۈن ناھايتى ياخشى تەسىرى بولدى. كىشلەرنىڭ نەزىرىدە ئەمدى ئەرەب زېمىنىدا ئىسلام كۈچلىرىدىن باشقا ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، دېگەن قاراش شەكىللەندى. مۇسۇلمانلارغا چىش بىلەپ يۈرىدىغان ئاشۇ قالدۇق مۇناپىق جاھىللارنىڭ قەلبىدىكى رەزىل ئارزۇ-ئارمانلىرى كۆپۆككە ئايلاندى، ئۇلار بارلىق ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرىنى رۇم تاجاۋۇزچىلىرىغا باغلىغان ئىدى. ئەمدى ئۇلار بۇ غازاتتىن كېيىن بىردىنلا ھورىغا جىمىقىپ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رىئال ئەمەلىيەتكە تەسلىم بولۇشتى. ئەمدى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا(يەنى مۇناپىقلارغا) مۇلايىم سىپايە مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرىيتى قالمىغانىدى. شۇڭا، ئاللاھ ئۇلارغا نىسبەتەن قاتتىق قول قەتئى بولۇشقا بۇيرىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ سەدىقە ۋە زاكاتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئېلشتىن ۋە ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىپ ئىستىغفار تىلەشتىن جنازە ۋە قەبرە بېشىدا تۇرۇپ تەزىيە ۋە تەسەللى بىرىشتىن توستى. ئۇلارنىڭ مەسجىد نامىدا بىنا قىلىپ ياسىۋالغان سۇيقەست ۋە ئەكسىيەتچىلىك ئۇۋىسىنى چۇۋۇپ تاشلاشقا بۇيرىدى ۋە مۇشۇ ھەقتە بىر قانچە ئايەت نازىل قىلىپ ئۇلارنىڭ رەسۋاسىنى چىقاردى. ئەمدى ئۇلارنى تونۇۋېلىش تەسكەتوختىمايدىغان بولدى. چۈنكى بۇ ھەقتىكى ئايەتلەر گويا ئۇلارنىڭ مەدىنىدە تۇرۇشلۇقلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلغاندەك ئىنىق ھەم رۇشەن ئىدى.
بۇ غازاتنىڭ تەسىر دائىرىسىىڭ نەقەدەر چوڭ بولغانلىقىنى شۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى ئەرەبلەر مەككە ئىشغالىيتىنىڭ ئالدى-كەينىدە رەسۇلۇللاھقا ئانچە مۇنچە ئەلچى يوللاپ ئەل بولۇش يولىنى تۇتقان بولسىمۇ بىراق ئاساسلىق ئەلچى يوللاش دولقۇنى مۇشۇ (تەبۇك) غازىتىدىن كېيىن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ھەتتا بىر مەزگىل مەدىنە كوچىلىرى ئەلچىلەر بىلەن ئاۋاتلىشىپ كەتتى.
»قۇرئان كەرىم« بۇ غازات ھەققىدە توختالدى
بۇ غازات ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە خېلى كۆپ ئايەتلەر نازىل بولدى، ئۇ ئايەتلەرنىڭ بەزىسى غازاتقا ئاتلىنىشنىڭ ئالدىدا نازىل بولغانىدى يەنە بەزىلىرى رەسۇلۇللاھ مەدىنىدىن قوزغالغاندىن كېيىن يول ئۈستىدە نازىل بولدى، ئۈچىنچى بىر قىسمى رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نازىل بولدى. بۇ ئايەتلەر مەزكۇر غازاتنىڭ قىيىن شەرت-شارائىتى، مۇناپىقلارنىڭ رەسۋا بولغانلىقى، سەمىمىي سادىق ئىخلاسمەن مۇجاھىدلارنىڭ پەزىلىتى، غازاتقا ئەمەلىي قاتناشقان ۋە ياكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى مەدىنىدە قېپقالغان ئاق كۆڭۈل مۆئىمىن مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋبىسېنىڭ مەقبۇل بولغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
مۇشۇ يىلى يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەر
مۇشۇ يىلى تارىخى ئەھمىيىتى زور بولغان بىر قانچە ۋەقە يۈز بەردى.
1. رەسۇلۇللاھ تەبۇكتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەدىنىدە ئوۋەيمىر ئەجلانى بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ئوتتۇرىسىدا لەنەت ئېيتىشىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
2. ئۆزىنىڭ زىنا-پاھىشە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن غامىيد قەبىلىلىك ھېلىقى ئايال بالىسىنى ئەمچەكتىن ئايرىپ كەلگەندىن كېيىن، تاش-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى.
3. ھەبەشىتان پادىشاھى ئەسھەمە نەجاشى ۋاپات بولدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا غائىبانە مىيت نامىزى ئوقۇدى.
4. رەسۇلۇللاھنىڭ ئوسمان ئىبنى ئەففاندىكى قىزى ئۇممى كۇلسۇم ۋاپات بولدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا قاتتىق قايغۇردى ۋە ئوسمانغا: «ئەگەر يېنىمدا ئۈچىنچى بىر قىزىم بولغان بولسا ئۇنى ئەلۋەتتە يەنە ساڭا ياتلىق قىلغان بولاتتىم» دېدى.
5. رەسۇلۇللاھ تەبۇكتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇ ئۆلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئىستىغپار تىلىدى ۋە ئۆمەرنىڭ توسۇپ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ مېيىت نامىزىنى چۈشۈرگەنىدى كېيىن قۇرئاندا ئۆمەرنىڭ ئىرادىسىنى قوللاپ ئايەت نازىل بولدى.
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەج قىلىشى
شۇ يىلى (ھىجىرىيىنىڭ 9- يىلى) زۇلقەئدە (11-ئاي) ياكى زۇلھەججىدە (12- ئاي) رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج پائالىيتىگە يىتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەبۇ بەكرىنى ھەج ئەمىرى قىلىپ ئەۋەتتى.
ئەبۇ بەكرى يولغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن مۇشرىكلار بىلەن بولغان بارلىق ئەھدى كېلىشىملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئۇنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئاشكارا جاكارلاش توغرىسىدا سۇرە بارائاتنىڭ باش قىسمى نازىل بولغان بولغانچقا رەسۇلۇللاھ ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە قان-قىساس ۋە ئىقتىسادى توختاملاردىكى شۇ جەمەتتىن بىر كىشى بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ قويۇش قائىدىسى بويىچە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپنى بۇ جاكار نامىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئەلى بۇيرۇققا بىنائەن ئاتلىنىپ ئەرەج ياكى زەجنان دېگەن جايدا ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۇچراشتى. ئەبۇ بەكرى: «ئەمىرمۇ؟ ياكى مەئمۇرمۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى ئەلى: «يوقسۇ ئەلۋەتتە مەئمور» دېدى. ئاندىن ئىككەيلەن بىرلىكتە مەككىگە كەلدى، ئەبۇ بەكرى كىشىلەرنىڭ ھەج ئبادىتىگە يىتەكچىلىك قىلدى. نەھر كۈنى(زۇلھەججنىڭ 10-كۈنى يەنى ھېيت كۈنى-ت) بولۇۋىدى ئەلى مىنادىكى جەمرات يېنىدا تۇرۇپ كىشىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ پەرمانىنى جاكارلىدى ۋە ئارىدا ئەھدىنامە بار تەرەپلەرگە مۇسۇلمانلار بىلەن پۈتۈلگەن ئەھدى-كېلىشىمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە ئۇلارغا تۆت ئاي موھلەت بەردى. شۇنىڭدەك ئارىدا ئەھدى-كېلىشىم بولمىغانلارغىمۇ تۆت ئاي مۆھلەت بىرىلدى. ئەمما مۇسۇلمانلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىملىرىگە ئەمەل قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى دۈشمەن كۈچلەرنى قوللاش تەرەپدارى بولمىغانلارنىڭ ئەھدى-كېلىشىملىرىنى ئەسلى بەلگىلەنگەن مۇددەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە قىلىپ قالدۇردى.
ئەبۇ بەكرى يەنە مەخسۇس جاكارچىلارنى ئەۋەتىپ كىشىلەر ئارىسىدا: «بۇ يىلدىن ئىتىبارەن مۇشرىكلارنىڭ ھەج قىلىشى ۋە يالىڭاچلارنىڭ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشى قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ» دەپ جاكارلاتقۇزدى. بۇ جاكارنامە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بۇت پەرەسلىككە خاتىمە بىرىلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئەمدى قايتا كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
غازاتلارغا نەزەر
رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ قاتناشقان غازاتلار، ئەۋەتكەن قوشۇن ۋە قوزغىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق بىز ۋە بىزدىن باشقا ئۇرۇش ۋەزىيىتى، ئۇرۇشنىڭ تەسىرى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشلىرىگە توغرا نەزەر سېلىپ ئىلمىي تەھلىل قىلالايدىغان ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسى رەسۇلۇللاھنى پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىك بابىدا ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ كاتتا پەيغەمبەر بولغىنىدەك، سىياسىي ساھەدىمۇ دۇنيا مىقياسىدىكى ئەڭ قابىل، ئەڭ جاسارەتلىك، ھەربىي ئالىم يۈكسەك پاراسەتلىك سىياسىئون ۋە تەڭدىشى يوق ئۇلۇغ شەخىس دەپ ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ.
ئالايلى رەسۇلۇللاھ قايسى بىر جەڭگە پەم-پاراسەت، قورقماس شىجائەت ۋە دانا تەدبىر بىلەن دەل ۋاقتىدا ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئاتلانغان. شۇڭا ئۇ ھېچقايسى بىر جەڭدە قوشۇنلارنى سەپەرۋەر قىلىش، ئىستىراتىگىيلىك مۇھىم نىشانلارنى بىكېتىش قارشىلىق كۆرسىتىشكە قولاي ئورۇن ۋە ئەۋزەل شارائىتلارنى ئالدىن ئىگىلەش ۋە جەڭ پەللىسىنى پايدىلىق تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن دانا تەدبىرلەرنى قوللىنىش جەھەتلەردە بىخەستىلىك قىلىپ سېلىپ مەغلۇپ بولغىنى يوق. ئۇ شۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ھەربىي ئىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەربىي ئىشلاردا دۇنيادا تەڭدىشى يوق شەخس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇھۇد(غازىتى) ۋە ھۇنەين(غازىتى)دا يۈز بەرگەن قىسمەن تىراگىدىيىلەر بولسا قوشۇننىڭ قىسمەن ئەزالىرىدىكى ئاجىزلىقتىن (مەسىلەن ھۇنەيىن غازىتىدىكى پاجىئەگە ئوخشاش) ياكى قوشۇندىكى ئايرىم كىشىلەرنىڭ بۇيرۇققا بويسۇنمىغانلىقى (ئۇھۇد غازىتىدىكىگە ئوخشاش) ۋە ھەربىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن كىلىپ چىققان.
رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزگىچە قابىلىيىتى ۋە ئىقتىدارى ھېلىقى ئىككى غازات(ئۇھۇد ۋە ھۇنەيىن غازىتى)تا مۇسۇلمانلار تالاپەتكە يولۇقۇپ تىكىۋەتكەندە تېخىمۇ روشەن تېخىمۇ گەۋدىلىك نامايەن بولدى. ئۇ ئالدىنقى سەپتە تەۋرەنمەي مۇستەھكەم تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە دانا تەدبىرى بىلەن دۈشمەننىڭ قورشاپ يوقىتىش پىلانىنى بىتچىت قىلدى(مەسىلەن ئۇھۇد غازىتىدا) ياكى بولمىسا ئۇرۇش يۆنۈلىشىنى ئۆزگەرتىپ(مەسىلەن ھۇنەيىن غازىتىدا) مەغلۇبىيەتنى غەلىبە قىلىشقا يۈزلەندۈردى. ھالبۇكى، مۇنداق خەتەرلىك ئەھۋال ۋە بۇنداق ئېغىر مەغلۇبىيەت ئادەتتە قوماندانلارنىڭ روھىنى چۈشۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ-دە بۇ چاغدا ئۇلاردا پەقەت جان قۇتقۇزۇپ قېچىشتىن باشقا خىيال بولمايدۇ.
مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مەخسۇس ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق ئىلمى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى خىسلەتلىرىدۇر. باشقا تەرەپلەرنى ئالساق، رەسۇلۇللاھ بۇ غازاتلار ئارقىلىق ئامانلىق ۋە تىنىچلىق ئورناتتى، پىتنە-پاساد يوچۇقلىرىنى ئەتتى، ئىسلام دىنى ۋە بۇتپەرەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشتە دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۇلارنى تىنچلىق كىلىشىم ئۈستىلىگە سۆرەپ كەلدى ۋە توسالغۇلارنى يىڭىپ يولنى راۋانلاشتۇرۇپ دەۋەتكە سورۇن ھازىرلىدى. شۇنىڭدەك يەنە بۇ غازاتلار جەريانىدا سەمىمىي سادىق ساھابىلەر دىلىدا مۇناپىقلىق كېسىلى بار ئالدامچى خىيانەتكارلاردىن ئايرىلدى.
رەسۇلۇللاھ بۇ جەرياندا يەنە زور بىر تۈركۈم قابىلىيەتلىك ھەربىي قوماندان ۋە سىياسىئونلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، ئۇلار كىينكى كۈنلەردە ئىراق ۋە شام جەڭ مەيدانلىرىدىكى پارس ۋە رۇم لەشكەرلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا جەڭ تاكتىكىسى ۋە ئۇرۇش ۋەزىتىنى توغرا مۆلچەرلەپ، ئوبدان ئىدارە قىلىش جەھەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن دۈشمەننى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، ئۇلارنى ئۆي-ماكان، يەر-زېمىن باغ-ۋارانلىرىدىن قوغلىۋەتتى.
شۇنىڭدەك، يەنە بۇ غازاتلار ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا تۇرالغۇ جاي، تېرىلغۇ يەر، ھۇنەر كەسىپ قاتارلىق ھۇل مۇئەسسەسەلەرنى تولۇقلىغاندىن سىرت پۇل مال ۋە ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ كەلگەن مۇساپىرلار مەسىلىسىنىمۇ ئوبدان ھەل قىلدى. قورال-ياراغ، ئۇلاغ (قاتناش)، ھەربىي ھازىرلىق ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرىگە ئاساس سالدى. ئۇ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە كىشلەرگە زەررىچە زۇلۇم قىلماي ھەقكە تاجاۋۇز قىلىپ ئاقنى-قارىغا ئېلىشتۇرماي ئېرىشتى.
ئەڭ مۇھىمى رەسۇلۇللاھ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بىگۇناھ قان تۆكۈلۈشكە سەۋەپ بولىدىغان ئاشۇ چوڭ-كىچىك ئۇرۇشلارنىڭ نىشانى ۋە ئۇنىڭدىكى غەرەزلەرنى ئۆزگەرتتى. ئەينى چاغدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۇچرىغاننى قارا قۇيۇق ئۆلتۇرۇش، زوراۋانلىق كۈچىنى نامايەن قىلىش، تاجاۋۇز قىلىش، ئىنتىقام ئېلىش، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش ئۆي-ئىمارەت، باغ- ۋارانلارنى ۋەيران قىلىش، ئاياللارنى دەپسەندە قىلىش قېرىلار ۋە ئاجىز سەبىلەرنى خورلاش، ھايۋانلار ۋە جانلىقلارنى قىرىش ۋە زېمىندا خالىغانچە زورلۇق زۇمبۇلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما ئەمدى بۇ ئۇرۇشلار ئاللاھنىڭ سەلتەنىتىنى زېمىنغا بەرپا قىلىشتەك (ئىسلام دىنىدا) ئۇلۇغۋار نىشان، يۈكسەك غايە ۋە مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان غەرەزلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان جىھاتقا ئايلاندى. ئۇرۇش ئەمدى ئىنسانىيەتنى تۈزۈمىدىن ئادالەتلىك ۋە ھەققانىي تۈزۈمىگە، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەپ كىتدىغان ناھەق ئېقىمدىن ھەقىقەتنى ئۆز جايىغا قارار تاپقۇزۇشقا، كۈچلۈكلەر ۋە ئاجىزلار باراۋەر بولىدىغان تۈزىمىگە قۇتقۇزۇپ چىقىشتىكى ئۇلۇغ جىھادقا ئايلاندى. ۋە ﴿ ُمْ لاَ تُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللّھِ وَالْمُسْتَگْىَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاء وَالْوِلْدَانِ الَّۇِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا ۆَخْرِجْنَا مِنْ ھَـۇِھِ الْقَرْيَەِ الئَّالِمِ ۆَھْلُھَا وَاجْىَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ وَلِيًّا وَاجْىَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ نَپِيرًا ﴾ «(ئى مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، ئاللانىڭ يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر ۋە (دۇئا قىلىپ): ‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم شەھەردىن بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىل، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىل› » (سۈرە نىسا 75- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) دەپ ئىلتىجا قىلىۋاتقان ئاجىز ئەر ئاياللارنى ۋە سەبى گۈدەك بالىلارنى قۇتقۇزىدىغان جىھادقا ئايلاندى.
بۇ ئۇرۇشلار ئەمدى ئاللاھنىڭ زېمىنىنى ئالدامچىلىق، خىيانەتكارلىق گۇناھ-ئىسيانكارلىق زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن تازىلاپ مۇقىملىق تىنچلىق، مىھرى-مۇھەببەت ۋە ئەدلى-ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، كىشلىك قەدرى-قىممەت ۋە ئادىمىگەرچىلىكلەرگە رىئايە قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىشقا ئۆزگەردى.
شۇنىڭدەك رەسۇلۇللاھ يەنە مۇشۇ جەرياندا ئۇرۇش ۋە جەڭ مەيدانىغا ئائىت بىر قاتار قائىدە-نىزاملارنى ئۆگەتتى. ئۇ پۈتۈن قوشۇن ۋە قوماندانلاردىن بۇ نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىشنى، ھېچقانداق ۋاقىتتا بۇنىڭدىن چەتنەپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلاتتى.
سۇلايمان ئىبنى بۇرەيد ئاتىسىدىن نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ بىر ئادەمنى بىرەر قوشۇن ياكى بىرەر پىدائىيلارغا قوماندان قىلىپ تەيىنلىسە ئۇنى ئايرىم چاقىرىپ شۇ كىشنىڭ ئۆزىمۇ ۋە قوشۇنىدىكىلەرنىمۇ ئاللاھتىن قورقۇشقا تەۋسىيە قىلاتتى. ئاندىن ئۇلارغا: «بىسمىللا(يەنى ئاللاھنىڭ ئىسمى) بىلەن غازاتقا ئاتلىنىڭلار، كافىر بولغانلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، غازاتتا خىيانەت قىلماڭلار، ئالداپ ئۆلتۈرمەڭلار، ئۆلۈكلەرنى پارچىلاپ تاشلىماڭلار، بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار» دەيتتى. ئۇ يەنە ئىشلارنى ئوڭايلاشتۇرۇشقا بۇيرۇيتتى: «ئاسان-ئوڭايلاشتۇرۇڭلار، قىيىن-تەسلەشتۈرمەڭلار، تىنچ-خاتىرىجەملىك ھېس قىلدۇرۇڭلار، نەپرەتلەندۈرمەڭلەر»، دەيتتى. رەسۇلۇللاھ بىر قەۋمنىڭ دىيارىغا كىچىسى يىتىپ كەلسە تاڭ ئاتمىغىچە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمايتتى. ئۇ ئوتقا تاشلاپ ئۆلتۈرۈشنى قاتتىق چەكلەيتتى. قىيناپ ئۆلتۈرۈش، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ۋە ئۇلارنى خورلاشتىن ۋە ئۇرۇشتىن توساتتى. قاراقچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقنى قەتئى چەكلەيتتى ئۇ مۇنداق دەيتتى: «بۇلانغان مال-مۇلۇك ئۆلۈكنىڭ تاپىنىدىنمۇ بەتتەردۇر».
رەسۇلۇللاھ دېھقانچىلق زىرائەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىشتىن، چارۋا ماللارنى ئۆلتۈرۈش، دەل-دەرەخ، ئورمان بوستانلارنى كېسىپ تاشلاشتىن توساتتى. بىراق قاتتىق ئىھتىياج بولۇپ باشقا چىقىش يولى بولمىسا ئۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. رەسۇلۇللاھ مەككىنى ئىشغال قىلغاندا مۇنداق پەرمان چۈشۈرگەن: «يارىدارلارغا تۆپىلەپ ئۇۋال قىلماڭلار، قاچقانلارنى قوغلىماڭلار، ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرمەڭلار» ئۇ ئەلچىنى ئۆلتۈرمەسلىك سۈننىتىنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي يۈرگۈزگەن. زىممىي نى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەپ پەرمان چىقارغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «زىممىي نى ئۆلتۈرسە جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى جەننەتنىڭ ھىدى قىرىق يىللىق مۇساپىدىنمۇ بايقىلىدۇ». رەسۇلۇللاھ مانا مۇشۇنداق ئادىل، ئۇلۇغۋار قائىدە نىزاملارنى ئورنىتىش ئارقىلىق ئىسلامدىكى ئۇرۇشنى ۋە جەڭ سەپلىرىنى جاھىلىيەتنىڭ ناپاك كىر ۋە داغلىرىدىن تازىلاپ، مۇققەددەس جىھاد قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
ئادەملەر ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ-توپ بولۇپ كىرمەكتە
مەككىنى پەتھى قىلىش غازىتى(يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك) بۇتپەرەسلىككە تەلتۆكۈس خاتىمە بېرىلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ بولغانىدى. ئەرەبلەر بۇنىڭ بىلەن ھەق-ناھەقنى ئايرىۋالدى. كۆڭۈل ئاسمانلىرىنى قاپلىۋالغان شەك-شۈبھى قارا تۇمانلىرى ئاستا-ئاستا يوقالدى، نەتىجىدە ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئەقىدە باغلاشنى تېزلەتتى.
ئەمر ئىبنى سەلىمە مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر سۇ بويىدا تىرىكچىلىك قىلاتتۇق. بىزنىڭ يېنىمىزدىن كارۋانلار ئۆتسە ئۇلاردىن: «مەككىلىكلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ۋە بۇ ئادەمنىڭ(رەسۇلۇللاھنى دىمەكچى) ئەھۋالى قانداق؟» دەپ سورايتتۇق، ئۇلار: «ھېلىقى ئادەم ئاللاھ ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا پالان-پۇستان ۋەھىيلەرنى نازىل قىلغانلىقىنى دەپ يۈرىدۇ»، دەيتتى. مەن ئۇلارنىڭ نەقىل قىلغانلىرىنى يادلىۋالاتتىم. دەگويا رەسۇلۇللاھ ماڭا ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتىپ بەرگەندەك تۇيۇلاتتى. ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامنى پەتھى (يەنى مەككىنىڭ بىر تەرەپ بولىشى)گە باغلاپ تۇرغانىدى، ئۇلار: «مۇھەممەدنى مەككىلىكلەرگە قويايلى، ئەگەر ئۇ مەككىلىكلەر ئۈستىدىن غالىب كەلسە، راست پەيغەمبەر بولىدۇ»، دەيتتى. ئۇ مەككىنى ئىشغال قىلىۋىدى، ھەممە خەلق مۇسۇلمان بولۇشقا ئالدىرىدى، مېنىڭ ئاتام ۋە مېنىڭ قەۋمىممۇ ئالدىراپ مۇسۇلمان بولدى. ئاتام مەدىنىدىن قايتىپ كېلىۋىدى، ئۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرگە ھەق پەيغەمبەرنىڭ قېشىدىن كەلدىم. ئۇ: «پالان نامازنى پالان ۋاقىتتا ئوقۇڭلار ۋە پۇستان نامازنى پۇستان ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، ناماز ۋاقتى كىرسە بىرىڭلار ئەزان ئوقۇسۇن، قۇرئاننى كۆپرەك بىلىدىغىنىڭلار ئىمام بولسۇن»، دېدى، دېگەن.
بۇ ھەدىس مەككە پەتھىسىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا، ئىسلام دىنىنىڭ شەۋكىتىنىڭ ئۆسىشىگە ئەڭ مۇھىمى ئەرەبلەرنىڭ بىر مەۋقەگە كېلىشىگە، ئىسلام قەتئىي بىر مەۋقەگە كېلىپ ئىسلام دىنىغا ئەقىدە باغلىشىغا قانچىلىك چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. مەككە پەتھىسېنىڭ بۇ تەسىرى تەبۇك غازىتىدىن كېيىن تېخىمۇ روشەن ھەم گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. بىز مۇشۇ ئىككى (ھىجرىيەنىڭ توققىزىنچى ۋە ئونىنچى) يىلدا مەدىنىگە ئۈزۈلمەي ئەلچىلەر كېلىپ-كېتىپ تۇرغانلىقىنى كىشلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ىنىغا توپ-توپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئاددىسى مەككىنى پەتھى قىلىش غازىتىدا ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سانى ئون مىڭ كىشى ئەتراپىدا ئىدى، مۇشۇنىڭغا تولۇق بىر يىل بولماي تۇرۇپ كىلەر يىلىدىكى تەبۇك غازىتىدا مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سانى بىردىنلا ئوتتۇز مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئارقىدىن ھەججە تۇلۋىدادا گويا ئادەم دېڭىزى(يەنى بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭدەك ئادەم) رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدا دولقۇنلاپ ئېقىپ تەلبىيە (لەببەيكە) ئېيتىپ تەكبىر (ئاللاھۇئەكبەر) تەسبىھ (سۇبھاناللا) ۋە تەھمىد (لەكەلھەمدۇ) ئوقۇپ يەر جاھاننى لەرزىگە سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.
ئەلچىلەر ئۆمەكلىرى
تارىخچىلار يېزىپ قالدۇرغان ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنىڭ قېتىم سانى يەتمىشتىن ئاشىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگەللەشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ ھەم ئۇنىڭ تەپسىلاتىغا چوڭقۇرلاپ كىرىشنىڭمۇ ئارتۇقچە ھاجىتى يوق. بىز بۇ يەردە پەقەت تارىخى ئەھمىيىتى زور ئىجتىمائىي تەسىرى كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم ئەلچىلەرنى خۇلاسىلىغان ھالدا تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز.
بارلىق قەبىلىلەر ۋە ئايماقلارنىڭ ئەلچىلىرى گەرچە مەككە پەتھىسىدىن كېيىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن قەبىلە خەلقلىرىنىڭ ئەلچىلىرى مەككە پەتھىسىدىن ئىلگىرى كەلگەنلىكى كىتابخانلارنىڭ ئىسىدە بولىشى مۇمكىن.
- ئابدۇلقەيىس ئەلچىلىرى: بۇ قەبىلىنىڭ ئەلچىلىرى ئىككى قېتىم كەلگەن. بىرىنچى قېتىم ھىجرىيەنىڭ 5-يىلى ياكى ئۇنىڭ سەل ئالدىدىراق كەلگەن. ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق: ئابدۇلقەيىس قەبىلىسىدىن مۇنقىز ئىبنى ھەببان ئىسىملىك بىر كىشى مەدىنىگە تىجارەت بىلەن كېلىپ كىتىپ تۇراتتى. ئۇ رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قەدەم تەشرىپ قىلغاندىن كېيىنمۇ كېلىپ تۇردى ۋە ئىسلام دىنى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇنىڭغا مۇشەررەپ بولدى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭ قەۋمىگە يازغان خېتىنى ئېلىپ بارغانىدى، ئۇلار مۇسۇلمان بولدى ۋە ھارام ئايلارنىڭ بىرىدە ئون ئۈچ ياكى ئون تۆت كىشىلىك ئەلچى تەشكىللەپ مەدىنىگە ئەۋەتتى. بۇ قېتىم ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن ئىمان-ئىسلام ۋە يىمەك-ئىچمەك توغرىسىدا سۇئال سورىدى ئۇلارنىڭ باشلىقى ئەشەج ئەسرى دېگەن كىشى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ: «سەندە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ياقتۇرىدىغان ئىككى خىسلەت بار ئىكەن مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىك» دېگەنىدى.
بۇ قەبىلىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن ۋاقتى كېيىنكى ئەلچىلەر يىلى(يەنى ھىجىرىينىڭ 10-يىلى) بولغان، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىنىڭ سانى قىرىق ئادەم ئىدى. ئەلچىلەر ئىچىدە جارۇد ئىبنى ئەلائولئەبدى دېگەن بىر كىشى بار بولۇپ ئۇ ئەسلى خىرىستىئان دىنىغا ئىتقاد قىلاتتى. ئۇ بۇ قېتىم ئىمان ئېيتىپ ناھايىتى ئىخلاسمەن ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ كەتتى.
-
دەۋس ئەلچىلىرى: بۇ قەبىلىنىڭ رەسمى ئەل بولۇپ ئەلچى ئەۋەتكەن ۋاقتى ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى يىل بېشىدا رەسۇلۇللاھ خەيبەردىكى ۋاقىتىغا توغرا كەلدى. كىتابىمىزنىڭ بېشىدا بىز شۇ قەبىلىنىڭ تۈفەيل ئىبنى ئەمر دەۋسى دېگەن بىر كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ مەككىدە چېغىدىلا مۇسۇلمان بولغانلىنى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى مەككىدە نۇرغۇن غەۋغا پەيدا قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. ئۇ شۇ چاغدىلا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ خەلقنى ئىزچىل ئىسلامغا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار تۇپەيلنىڭ چاقىرىقىغا دەرھال ئاۋاز قوشمىغان، شۇنىڭ بىلەن تۇفەيل ئۇلاردىن ئۈمىدسىزلىنىپ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ دەۋس خەلقىگە دۇئا قىلىشنى ئۆتۈنگەن، رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ دەۋس خەلقىگە ھىدايەت قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغان ئىدى، ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى دەۋس خەلقى تولۇق مۇسۇلمان بولدى. تۇفەيل ئۆز خەلقىدىن 70 ياكى 80 ئۆيلۈك ئادەمنى باشلاپ ھىجىرىينىڭ 7- يىلى باھاردا مەدىنىگە ئەلچى بولۇپ كەلدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ خەيبەر غازىتىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدىن خەيبەرگە چىقىپ ئۇ يەردە رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچراشتى.
-
فەرۋە ئىبنى ئەمرى ئەلجوزامى ئەلچىلىرى: فەرۋە دېگەن بۇ كىشى شامنىڭ مەئان دېگەن يىرىدىن بولۇپ رۇم قوشۇنى ئىچىدىكى بىردىن بىر ئەرەپ قوماندانى ئىدى. قۇشۇمچە رۇم ئىشغالىيىتىدىكى ئەرەب زېمىنىغا قورچاق باش مەئمۇر ئىدى. ئۇ ئالدىنقى قېتىم مۇسۇلمانلارنىڭ (ھىجىرىينىڭ 8- يىلىدىكى) مۇئتە ئۇرۇشىدا كۆرسەتكەن ئاجايىپ قەھرىمانلىقلىرى ۋە ئۆلۈمدىن قورقماس جاسارىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەنگەن ۋە مۇسۇلمان بولغانىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھقا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ مەدىنىگە يولغا سالدى. ئۇ ئەلچىلەردىن بىر دانە ئاق خېچىرنى رەسۇلۇللاھقا ئالايىتەن سوۋغا قىلىپ ئەۋەتكەنىدى. رۇم دائىرلىرى ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ ھەپسىگە ئالدى. ئاندىن ئۇنى پەلەستىنگە يالاپ ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بۇ يولدىن يېنىپ مۇرتەد بولۇپ خىزمەت كۆرسىتىشنى ياكى ئۆلۈمنى تاللاش ئىختىيارلىقىدا قويدى. بۇ چاغدا ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۆلۈمنى تاللىغان بولغاچقا، ئۇلار ئۇنى ئەپرا دەرياسى بويىغا ئەپچىقىپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. ئاندىن پەسكە چۈشۈرۈپ قىلىچ بىلەن بېشىنى ئالدى.
-
سەدائ ئەلچىلىرى: بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكى ھىجىرىينىڭ 8- يىلى رەسۇلۇللاھ جىئىيررانە ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىينلا مەدىنىدە پەيدا بولدى. ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى: رەسۇلۇللاھ جىئىبررانەدىن قايتىش ئالدىدا مۇسۇلمانلاردىن 400 كىشىلىك بىر قوشۇن تەشكىللەپ يەمەن تەۋەلىكىگە تىگىش قىلىشقا ئەۋەتكەنىدى. بۇنىڭ ئىچىدە سەدائ دېگەن جايمۇ بار ئىدى. قوشۇن ئاتلىنىپ شۇ تەرەپتىكى بىر قانالنىڭ بېشىغا كېلىپ چۈشۈپ ئۇ يەرگە بازا تەسىس قىلىىپ تۇرغاندا شۇ قەبىلىنىڭ باشلىقى زەياد ئىبى ھارس سەدائى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ كىچىلەپ يول يۈرۈپ رەسۇلۇللاھنىڭ قېىشىغا كەلدى ۋە رەسۇلۇللاھقا: «مەن ساڭا ئۆز خەلقىمگە ۋاكالىتەن ئەلچى بولۇپ كەلدىم. قوشۇننى قايتۇرۇپ كەلسەڭ مەن خەلقىمگە ۋاكالىتەن ساڭا ئەل بولۇشقا كىپىل بولسام» دەپ ۋەدە بەردى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ قوشۇننى شۇ يەردىنلا قايتىشقا بۇيرۇق قىلپ ئادەم ئەۋەتتى. زەيد ئىبنى ھارىس سەدائىمۇ قايتىپ خەلقىنى رەسۇلۇللاھقا ئەل بولۇشقا ھەيدىدى، نەتىجىدە رەسۇلۇللاھ جىئبررانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا شۇ قەبىلىدىن 15 ئادەم تەشكىللىنىپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا كىرىشكە بەيئەت بىرىشتى. ئاندىن قايتىپ ھەممىسى ئۆز خەلقلىرىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلشتى بۇنىڭ تۇرتكىسىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان بولغانلار تېز كۆپىيىپ كېيىنكى يىلدىكى ھەججەتۇلۋىدادا ئۇلاردىن 100 ھاجى مەككىگە كېلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا قاتناشتى.
-
كەئەب ئىبنى زۇھەير ئىبنى ئەبى سەلمانىڭ ئەل بولۇپ كېلىشى: كەئەب ئىبنى زۇھەير ئەدىب ۋە شائىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئەرەب شائىرلىرى ئىچىدە ئەڭ يىتىشكەن قابىل شائىر ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنى ھەجۋى قىلىدىغان شىئىر-قۇشاقلارنى كۆپ توقىغان. ھىجىرىينىڭ 8- يىلى رەسۇلۇللاھ تائىف غازىتىدىن قايتقاندا كەئەبنىڭ قېرىندىشى بۇجەيىر ئىبنى زۇھەيىر ئۇنىڭغا خەت يېزىپ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ قېتىم مەككىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇنىڭغا ئازار بەرگەن ۋە ھەجۋى شېئىر توقۇپ ئەلنى قايمۇقتۇرغان بىر قىسىم كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى، بىر قىسىم قۇرەيش شائىرلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئۇ خېتىدە: ئەگەر توغرا تاپساڭ دەرھال كېلىپ رەسۇلۇللاھتىن ئەپۇ سورىغىن، ئۇ گۇناھىنى تونۇغان ئادەمنى ئەيىپكە بۇيرىمايدۇ، ناۋادا بۇنى قىلمىساڭ جېنىڭنى جايلىغىن، ئەھۋال خەتەرلىك» دېگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى قېرىنداش ئارىسىدا خېلى كۆپ خەت-پەت ئالماشتۇرۇشلار بولدى. كەئەبگە بۇ كەڭ جاھان بارغانچە تار تۇيۇلۇۋاتاتتى. قانداقتۇر بىر قارا كۆلەڭگە ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىش كويىدا بولۇۋاتقاندەك ۋەھىمىگە سالاتتى. شۇنىڭ بىلەن كەئەب بىر كۈنى خۇپيانە ھالدا مەدىنىگە كەلدى ۋە جۇھەينە قەبىلىسىدىن بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى، ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن بامدات نامىزىنى بىللە ئۇقۇدى، نامازدىن كېيىن جۇھەيىنلىك ھېلىقى كىشى كەئەبكە رەسۇلۇللاھنى كۆرسىتىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇردى-دە، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالىدىغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ كەئەب ئىبنى زۇھەير تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولۇپ،سەندىن ئامانلىق تىلەپ كەلگەن ئىكەن، ئەگەر مەن ئۇنى باشلاپ كەلسەم ئۇنى كەچۈرەرسەنمۇ؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ كەئەبنى تۇنۇمايتتى، شۇڭا ئۇ: «ھەئە، ئەلۋەتتە» دەپ جاۋاب بەردى. كەئەب: «ئۇنداق بولسا كەئەب ئىبنى زوھەير مەن بولىمەن، مىنى ئەپۇ قىلسىلا »، دېگەنىدى. ئەنسارلاردىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىنى ئېىلىشقا رۇخسەت سورىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «تۇرۇپ تۇرغىن ئۇ ئۆتمىشىگە پۇشايمان قىلپ كەپتۇ» دېدى. بۇ چاغدا كەئەب ئۆزىنڭ:جۇدالىق ناملىق مەشھۇر شېئىرىنى ئۇقۇدى. بۇ شېئىرنڭ تۇنجى مىسراسى مۇنداق باشلانغانىدى:
سۇئاد ياردىن ئايرىلىپ قەلبىم بۈگۈن جاراھەت،
خارۇزار مەن ئىشقىدا پەرۋانە مەن ھارارەت.
كەئەب ئىبنى زۇھەير شېئىرنىڭ داۋامىدا رەسۇلۇللاھقا ناماقۇل بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
ئۇقسام ماڭا رەسۇلۇللاھ قەتئىي ئۆلۈم بۇيرۇپتۇ،
ئۈمىدىم زور ئەپۋىدىن قىلار ماڭا ئىنايەت.
تۇتماڭ مىنى ئالدىراپ چېقىمچىلار پەيلىدىن،
گۇناھىم يوق ئانچە كۆپ، كۆپ بولغانغا شىكايەت.
قىلىڭ تەخىر رەسۇلۇللاھ قۇرئان سىزگە ئىلتىپات،
ۋەز-نەسىھەت ئۇندا بار مۇسۇلمانغا ھىدايەت.
كۆردۈم ھەم ئاڭلىدىم شۇ كەم تۇرغان جايدا،
گەر تۇرسا ئۇندا پۇر قۇۋۋەت پىل كۆرسىتىپ جاسارەت.
تىترەپ كېتەر جاقىلداپ جان مانىدىن ئەيمىنىپ،
پەقەت ئالسا پەيغەمبەر ئۇنى قولداپ ھىمايەت.
ئوڭ قولۇمنى قويدۇممەن بەيئەت ئۈچۈن ئەل گۇۋاھ،
ۋەئدى ۋاپا مەرتتۇرمەن گېپىم گەپتۇر ئىناۋەت.
رەسۇلۇللاھ ئالدىدا كەتتى مېنى سۈر بېسىپ،
بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ ئالدىدا كەتتى مېنى سۈر بېسىپ،”سۆزلەۋېتىپ تىترەيمەن جاۋابكارمەن جىنايەت.
گويا خەۋپى يولۋاسنىڭ ماڭا چۈشتى دەشتىدە،
ياكى يالماۋۇز قولى قامال سالدى بەتھەيۋەت.
كەئەب يەنە رەسۇلۇللاھنى مەدىھىيىلەپ مۇنداق دېدى:
رەسۇلۇللاھ تۇلۇن ئاي نۇر چاقنىتار يالتىراپ،
بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ تۇلۇن ئاي نۇر چاقنىتار يالتىراپ،”ئۆتكۈر شەمشەر ياۋغا ئۇ ياغدۇرادۇر تالاپەت.
كەئەب يەنە مۇھاجىرلارنى مەدىھىيىلىگەچ ئەنسارلارغا تىل ئۇزاتتى، چۈنكى ھېلىقى كۈنى بىر ئەنسارى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى رۇخسەت سورىغان، ئەمما مۇھاجىرلاردىن غەيرى پىكىر چىقمىغانىدى. شۇڭا ئۇ:
سالماق قەدەم ماڭارلەر جەڭگاھقا ئۇ كىرگەندە،
قارا تەنبىل ياۋ قىلىچ ئۇرسا تەگمەس كارامەت.
دەپ يازغان.
كەئەب مۇسۇلمان بولدى، مۇسۇلمان بولغاندىمۇ ناھايىتى تەقۋادار ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ كەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئەنسارلارنى مەدھىيىلەپ ئەشئار يېزىپ ئىلگىرىكى خاتالىقىدىن ئەپۇ سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
كىم دىسە: «مەن شات ياشاي بۇ جاھان كەڭ قوينىدا»،
ئۇ چوقۇم كىرسۇن ھامان توپقا ئەنسارى بولۇپ.
مىراس قالغان ياخشىلىق ئۇلارغا ئەجداد كانىدىن،
ياخشىلارنىڭ ياخشىسى كەلدى ئەنسارى بولۇپ.
-
بەنى ئوزرە ئەلچىلىرى: مەزكۇر ئەلچىلەر ئۆمىكى ھىجىرىيىنىڭ 9- يىلى سەپەر(2- ئاي)دا كەلگەن بولۇپ ئۇلار 12 ئادەم ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەمزە ئىبنى نوئمان ئىسىملىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇ ئەلچىلەرگە ۋاكالىتەن: «بىز بەنۇ ئوزرە خەلقى قۇسەي (رەسۇلۇللاھنىڭ 6-چوڭ بوۋىسى)نىڭ ئانا تەرەپ تاغىلىرىمىز. قۇسەيگە ياردەم بىرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ خۇزائە ۋە بەنى بەكرى قەبىلىلىرىنى مەككىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا تايانچى بولغانمىز. بىزنىڭ ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۇرۇق تۇققانلچىلىقىمىز ۋە كونا قىرابىتىمىز بار»دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قىزغىن مۇئامىلىدە بولدى. ۋە ئۇلارغا شامنى چوقۇم پەتھى قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى، ئاخىرىدا ئۇلارنى رامبال پالچى چىراغچى، داخانلاردىن ئىش سوراشتىن ۋە بۇت ھەيكەللەرگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەشنى تاپىلىدى. ئەلچىلەر ئىمان ئېيتىپ ئىسلام قائىدىلىرىنى ئۆگۈنۈپ قايتىشتى.
-
بەللى ئەلچىلىرى: بەللى ئەلچىلىرى ھىجىرىيىنىڭ 9-يىلى رەببۇلئەۋۋەل (3-ئاي)دا كېلىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە مەدىنىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ مۇسۇلماندارچىلىقتا زورۇر بولغان مەسىلىلەرنى سوراپ ئۆگىنىۋالغان. ئۇلارنىڭ باشلىقى ئەبۇ زەبىب زىياپەتتە ساۋاپ بارمۇ؟ دەپ سورىغانىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئەلۋەتتە ساۋاب بار، سەن مەيلى باي، مەيلى نامرات ھەر قانداق ئادەمگە قىلغان خەير ئېھسانىڭ سەدىقە بولىدۇ» دېدى. ئۇ رەسۇلۇللاھتىن زىياپەت ۋاقتى قانچىلىك بولىدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى رەسۇلۇللاھ : «ئۈچ كۈن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ: «ئېزىپ كېلىپ قالغان قوينى نېمە قىلغۇلۇق؟» دەپ سورىۋىدى رەسۇلۇللاھ: «ئۇ سېنىڭ ياكى سېنىڭ قېرىندىشىڭنىڭ ۋە ياكى بۆرە يىرتقۇچنىڭ» دېدى. ئۇ يەنە: «تۆگىنىڭ ئازغان-تازغانلىرىنىچۇ؟» دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ نېمە كارىڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئىشىڭ بولمىسۇن، تاكى ئۇنى ئۆز ئىگىسى تېپىۋالسۇن»، دېدى.
-
سەقىف ئەلچىلىرى: سەقىف ئەلچىلىرى ھىجىرىينىڭ 9- يىلى رامىزان(9-ئاي) دا رەسۇلۇللاھ تەبۇك غازىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىينلا يېتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇش جەريانى تولىمۇ ئەگرى-توقاي بولغان. مۇسۇلمانلار تائىف غازىتىدىن قايتىپ مەدىنىگە يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغاندا ئۇلارنىڭ باشلىقى ئۇرۋە ئىبن مەسئۇد سەقەفى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇسۇلمان بولدى ۋە تائىفقا قايتىپ ئۇلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ خەلقلىرىم ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ ۋە ماڭا ئەگىشىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. چۈنكى ئۇ سەقىف خەلقى ئىچىدە بىردىن بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر مەشھۇر شەخس ئىدى. جىمى خەلق ئۇنى ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ بەكرەك سۆيەتتى ۋە ھىمايە قىلاتتى. ئۇ بۇ قېتىم سەقىف خەلقىنى ئىسلامغا چاقىرۋىدى، ئۇلار ئۇرۋەگە ماقۇل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ۋە ھەر تەرەپتىن ئوق ياغدۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشتى. ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى ئۇلار يەنە ساراسىمگە چۈشتى ۋە ئەتراپتىكى مۇسۇلمان بولۇپ رەسۇلۇللاھقا ئەل بولغان جىمى ئەرەبلەر بىلەن قارشىلىشىپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ بىر ئادەمنى رەسۇلۇللاھقا ئەلچىلىككە ئەۋەتمەكچى بولدى، ئۇلار ئەبدىيا لەيل ئىبنى ئەمرىنى تاللىدى ۋە ئۇنىڭغا بۇ تەكلىپنى بىرىۋىدى، ئابدىيا لەيىل ئىبنى ئەمرى ئۇنىمىدى ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ كەلسە ئورۋىگە ئوخشاش قىسمەتكە مۇپتىلا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى، ئۇ مۇنداق دىدى: «مەن بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلالمايمەن، بىراق بىر قانچە ئادەم بىللە بارساق مەيلى».
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەبدىيا لەيىل ئىبنى ئەمرىگە ئىتتىپاقداش قەبىلىلەردىن ئىككى كىشىنى بەنى مالىك قەبىلىسىدىن ئۈچ كىشىنى قېتىپ ئالتە كىشىلىك بىر ئۆمەك تەشكىللىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئوسمان ئىبنى ئەبىلئاس سەقەفى ئەلچىلەر ئىچىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەلچى ئىدى.
ئەلچىلەر مەدىنىگە يېتىپ كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قۇرئان ئاڭلىسۇن ۋە كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرسۇن ئۈچۈن مەسجىدنىڭ بىر چېتىدىن ئالاھىدە بىر چىدىر تەييارلاپ بەردى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەتتىگەن ئاخشامدا ئۇچرىشىپ تۇردى. رەسۇلۇللاھ ئۇلار بىلەن ھەر قېتىم ئۇچراشسا ئۇلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلاتتى. ئاخىرى ئۇلارنىڭ باشلىقى رەسۇلۇللاھتىن مەدىنە تەرەپ بىلەن سەقىف ئوتتۇرىسىدا بىر پارچە ھۆججەت توختىتىشنى، ھۆججەتكە سەقىف خەلقى ئۈچۈن زىناخورلۇققا (جىنسىي ئەركىنلىك)كە، ھاراقكەشلىك ۋە جازانىخورلۇققا يول قويۇشنى، لات بۇتنى چېقىۋەتمەسلىك، ئۇلاردىن نامازنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە كىچىك خۇسۇسىي بۇتلارنى ئۆزلىرىنى چاققىلى سالماسلىق، ئاندىن ئۇلار ئەل بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈشنى شەرت قىلىشتى. رەسۇلۇللاھ بۇ شەرتلەرنىڭ بىرىنىمۇ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، ئۇلار يەنە چىدىرىغا كىرىپ مەسلىھەتلەشتى ۋە ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشتى. ئاخىرى ئۇلار رەسۇلۇللاھقا تەسلىم بولماقتىن باشقا چىقىش يولى يوقلىقىنى ھېس قىلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۇرۇشتى. پەقەت لات بۇتنى رەسۇلۇللاھ ئۆزى ئادەم ئەۋەتىپ چاقتۇرۋاتسا پىكىرى يوقلىقىنى، ئەمما سەقىف خەلقى بۇ بۇتنى ئۆز قوللىرى بىلەن چاقمايدىغانلىقىنى شەرت قىلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ بۇ شەرتىگە قۇشۇلدى ۋە ئۇلارغا بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ بەردى ۋە ئۇلارغا ئوسمان ئىبنى ئەبىلئاس سەقەفىنى ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى سەۋەبى: ئۇ ئەلچىلەر ئارىسىدىكى ئىسلامى بىلىملەرنى ئىگەللەشكە قۇرئان ئوقۇشقا ۋە دىن ئۆگۈنۈشكە ئەڭ قىزىقىدىغان كىشى ئىدى. ئەلچىلەر ھەر كۈنى ئەتتىگەن رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئۇنى ياتىقىدا قالدۇرۇپ چىقىپ كەتسە، ئۇ بۇ چاغدا مەسجىدتىكى ئىلمىي سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلاتتى ئەلچىلەر قايتىپ كىلىپ چۈشلۈكى ئۇخلاپ قېلىشسا ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنەتتى ۋە دىنىي ئەھكاملارنى سورايتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇخلاپ قالغان بولسا ئەبۇ بەكرىنى ئىزدەيتتى (ئوسمان ئىبنى ئەبىلئاس كېيىنكى مۇرتەدلەر زامانىدا ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئەڭ بەرىكەتلىك، توھپىسى ئەڭ زور كىشى بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا سەقىف خەلقىمۇ بۇزۇلۇپ مۇرتەد (دىندىن يانغۇچى) بولماقچى بولغاندا ئۇ نەسىھەت قىلىپ: «سىلەر ھەممىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولۇپ، ھەممىدىن بۇرۇن مۇرتەد بولماڭلار»، دېدى. نەتىجىدە ئۇلار ئىسلامدا چىڭ تۇرۇپ مۇرتەد بولمىدى).
ئەلچىلەر تائىپقا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ھەقىقىي ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ، تائىف خەلقىگە ئۇرۇش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۆزلىرىمۇ ئىنتايىن بىئاراملىق ۋە قايغۇ ھەسرەت ئىزھار قىلىشتى رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن ئىسلامدىن باشقىسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، زىناخورلۇق، ھاراقكەشلىك ۋە جازانىخورلۇقتىن قەتئىي قول ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بولمىسا قوشۇن تارتىپ كېلىپ ئۇرۇشماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى. بۇنى ئاڭلاپ خەلقىنىڭ جاھىلىيەتچە مۇغەمبەرلىكى تۇتۇپ ئىككى، ئۈچ كۈندەك ئۇرۇش تەييارلىقىدا ئالدىراش ئۆتتى. تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچا سالدى چېغى، ئۇلار قايتا يىغىلىپ ھېلىقى ئەلچىلەرگە مەدىنىگە قايتىپ مۇھەممەدنىڭ تەلىپىگە كۆنىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرساڭلار دىيىشتى. ئىش مۇشۇ يەرگە يەتكەندە ئەلچىلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىدى ۋە رەسسۇلۇللاھ بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن خەلقى تامامەن مۇسۇلمان بولدى.
ئازغىنىدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىغىدا بىر قانچە ئادەمنى لات بۇتىنى چېقىۋېتىشكە ئەۋەتكەنىدى، ئۇلار يېتىپ كېلىپ بۇتنى چېقىش ئالدىدا مۇغيرە ئىبنى شۇئبە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ھەمراھلىرىغا: «مەن سىلەنى بىر كۈلدۈرۈپ قوياي»، دېدى-دە، قولىغا بولقىنى ئېلىپ بۇتقا قاتتىق بىرنى ئۇردى ئاندىن ئۆزىنى تاشلاپ تىپىچەكلەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن قاراپ تۇرغان تائىف ئاھالىسى چۇرۇقلىشىپ كەتتى ۋە : «ئاللاھ مۇغىيرىگە لەنەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا لات تەقسىرەت قىلدى»، دېيىشتى. بۇ چاغدا مۇغىرە سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئاغزىڭنى يىغ قاغىش تەككۈرلەر، بۇ دېگەن ئەسكى-تۈسكى تام تىكەن ۋە لاي-خىشلار خالاس»، دېدى-دە، بۇتخانىنىڭ دەرۋازىسىغا ئۇرۇپ ئۇنى ئۆرۈۋەتتى ۋە شۇپېتى يامىشىپ بۇت ھەيكىلىنىڭ ئۈستىگە چىقتى، باشقىلارمۇ چىقىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار لات بۇتىنى گۈلدۈرلىتىپ چىقىپ ئۇنى يەر بىلەن تەڭ تۈزلىۋەتتى. ھەتتا بۇتخانىنىڭ ھۇلىنى كولاپ ئۇ يەردىكى زىبۇ-زىننەت، كىيىم-كىچەكلەرىنى چىقىرىۋالدى. سەقىف قەبىلىسى قوللىرىنى چىشلىشىپ ھەيران قېلىشتى. خالىدنىڭ ئادەملىرى قىزىۋېلىنغان نەرسىلەرنى ئېلىپ مەدىنىگە قايتىپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇ نەرسىلەرنى شۇ كۈنىلا قوشۇن ئارىسىدا تەقسىم قىلىپ بەردى ۋە ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە نۇسرەت ئاتا قىلغانلىقىغا ۋە ئۆز دىنىنى غالىب قىلغانلىقىغا ھەمدۇسانا ئوقۇدى.
-
يەمەن پادىشاھ جەمەتىنىڭ مەكتۇپ ئەۋەتىشى: رەسۇلۇللاھ تەبۇكتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەمەن ھىمىيەر پادىشاھ جەمەتىنىڭ ئەل بولۇش مەكتۇپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. مەكتۇپقا ئىمزا قويغانلاردىن ھارىس ئىبن ئابدى كۇلال نۇئەيم ئىبن ئابدۇلكولال نوئمان ئىبن قىيل زىرە ئىين، ھەمدان ۋە مۇئافىرلار بار ئىدى. ئۇلار بۇ خەتنى ئەلچى مالىك ئىبنى موررە رەھاۋىدىن ئەۋەتتى، ئۇلار خېتىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى شىرىك ئەقىدە ۋە مۇشرىكلاردىن ئادا-جۇدا بولغانلىقىنى يازغان. رەسۇلۇللاھمۇ ئۇلارغا بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ ئەۋەتتى. مەكتۇپتا ئۇ مۆمىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ۋە زىممىي (مۇسۇلمانلار دۆلەت تەۋەلىكىدىكى باج تاپشۇرۇش بەدىلىگە ھاياتلىق ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى تۈزۈشكەن غەيرى مۇسۇلمانلار زىممىي دەپ ئاتلىدۇ)لارنىڭ ئۆز مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلسىلا، ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھىمايىسىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغانىدى. رەسۇلۇللاھ يەنە ساھابىلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى ئۇلارغا دىن ئۆگۈتۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلارغا مۇئاز ئىبنى جەبەلنى باش قىلىپ تەيىنلىدى.
-
ھەمدان ئەلچىلىرى: ھەمدان ئەلچىلىرى ھىجىرىيىنىڭ 9- يىلى تەبۇك غازىتىدىن كېيىن كەلگەن، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ بەردى. مەكتۇپتا ئۇلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى قەتئى چەكلىگەنىدى ۋە ئۇلارغا مالىك ئىبنى نەمەننى ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇ شۇلار ئىچىدىكى مۇسۇلمان بولغانلارغا مەسئۇل بولغان ئىدى، قالغانلىرىغا خالىد ئىبنى ۋەلىدنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا ئەۋتتى. خالىد ئۇ يەردە ئالتە ئاي تۇرۇپ ئۇلارغا دەۋەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئۇلاردا ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ھەمدانغا ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا خالىدنى قايتۇرۋېتىشنى بۇيرىدى. ئەلى ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بەردى ۋە ئۇلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى مۇسۇلمان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلى رەسۇلۇللاھقا خەت يېزىپ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى رەسۇلۇللاھ خەتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىت بولۇپ سەجدىگە باش قويدى ۋە بىر ھازادىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ: «ھەمدانغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ھەمدانغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن» دېدى.
-
بەنى فەزارە ئەلچىلىرى: بەنى پەزارە ئەلچىلىرى ھىجىرىينىڭ 9- يىلى رەسۇلۇللاھ تەبۇكتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېتىپ كەلگەن بۇ ئۆمەكتە ئون نەچچە ئادەم بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە رەسۇلۇللاھقا يۇرت-ماكانلىرىنىڭ قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىكتە ئىكەنلىكىنى شىكايەت قىلىشقان. شۇڭا رەسۇلۇللاھ مۇنبەرگە چىقىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى ۋە ئاللاھدىن سۇ تەلەپ قىلىپ: «ئى ئاللاھ! خەلقلىرىڭنى سۇغارغىن. چارۋا-تۇياقلارنى سۇغارغىن، رەھمىتڭنى چاچقىن، چاڭقىغان ئۆلۈك زىمنىلىرىڭنى رەھمەت يامغۇرلىرىڭ بىلەن تىرىلدۈرگىن ئى ئاللاھ بىزنى تاتلىق، راھەتلىك، ئارام بەخىش ئىتىدىغان ھەممىنى سۇغۇرىدىغان جانغا ئەسقېتىدىغان كېىچكمەيدىغان مەنپەتى مول زىيان سالمايدىغان يامغۇر بىلەن سۇغارغىن. ئى ئاللاھ: رەھمەت يامغۇرى بىلەن سۇغارغىن، ئازاپ يامغۇرى بىلەن سۇغارمىغىن. ۋەيرانچىلىقتىن، كەلكۈن پەيدا قىلىشتىن ۋە لاتقا بېسىپ كتىشتىن ساقلىغىن. ئى ئاللاھ بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن ۋە بىزنى دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.
-
نەجران ئەلچىلىرى: نەجران مەككىنىڭ جەنۇبىدىن يەتتە كۈنلۈك كېلىدىغان چوڭ شەھەر بولۇپ، يەتمىش ئىككى يېزا-كەنتىسى بار ئىدى. ئاتلىق بىر كۈندە ئايلىنىپ بولغىلى بولاتتى، يۈز مىڭ كىشلىك مۇنتىزىم قوشۇنى بار ئىدى. ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى.
نەجراننىڭ ئەلچىلىرىمۇ ھىجىرىيىنىڭ 9- يىلى كەلگەن. ئەلچىلەر ئاتمىشتەك ئادەمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 24 كىشى ئەشرەپ ئەكابىرلەردىن ئىدى. ئۈچ كىشى نەجراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئىدى.
ئۇلارنىڭ بىرى ئاقىب (ئەينى چاغدىكى دۆلەت ئاپاراتى ۋەزىپە-مەنسەپ نامى) دۆلەتنىڭ مەئمۇرى ئىشلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇلمەسىيھ ئىدى. ئىككىنچىسى سەييىد (باش خوجىدار) بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە سىياسىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەيھەم ئىدى، يەنە بىر سۆزدە شۇرەھبىل ئىدى دىيىلگەن. ئۈچىنچىسى ئەسقەف دۆلەتنىڭ دىن ئىشلىرى ۋە ئىدىيىۋى خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىش ئىشلىرى مۇشۇ كىشىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمى ئەبۇ ھارس ئىبنى ئەلقەمە دەپ ئاتىلاتتى، ئەلچىلەر مەدىنىگە كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۆزئارا سۇئال-جاۋاپ تاشلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى ۋە قۇرئان ئوقۇپ بەردى ئەمما ئۇلار بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلماي رەسۇلۇللاھنىڭ ئىيسا (ئەلەيـھىسسالام)غا قارىتا نېمە دەيدىغانلىقىنى سورىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ بۇ سۇئالىغا شۇ كۈنى جاۋاب بەرمەي كەينىگە سۈردى، ئاخىر ئۇنىڭغا ﴿ إِنَّ مَڭَلَ ىِيسَۈ ىِندَ اللّھِ كَمَڭَلِ ژدَمَ خَلَقَھُ مِن تُرَابٍ ڭِمَّ قَالَ لَھُ كُن فَيَكُونُ o الْچَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلاَ تَكُن مِّن الْمُمْتَرِينَ o فَمَنْ چَژجَّكَ فِيھِ مِن بَىْدِ مَا جَاءكَ مِنَ الْىِلْمِ فَقُلْ تَىَالَوْاْ نَدْىُ ۆَبْنَاءنَا وَۆَبْنَاءكُمْ وَنِسَاءنَا وَنِسَاءكُمْ وَۆَنفُسَنَا وۆَنفُسَكُمْ ڭُمَّ نَبْتَھِلْ فَنَجْىَل لَّىْنَەُ اللّھِ ىَلَۈ الْكَاۇِبِينَ ﴾ تەرجىمىسى: (ئىسا ھەققىدىكى بۇ سۆز) شۈبھىسىزكى، ئاللانىڭ نەزەرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيـھىسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللا (ئاتا-ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: ‹ۋۇجۇتقا كەل› دېدى-دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كەلدى (ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس) [59]. (ئىسا ھەققىدىكى بۇ سۆز) ئاللا تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، سەن شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن[60]. سەن ئىسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا: ‹كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللانىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى› دېگىن[61]» (سۈرە ئال ئىمران 59 — 61-ئايەتكىچە) دېگەن ئايەت نازىل قىلىندى.
ئەتىسى ئەتتىگەن رەسۇلۇللاھ ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ يۇقىرىقى ئايەت كەرىمنىڭ روھىي بۇيىچە ئىيسا (ئەلەيـھىسسالام) ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇلارنى ئوبدان ئويلىنىپ كېلىشكە قويىۋەتتى. ئەلچىلەر يەنىلا ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىيسا (ئەلەيـھىسسالام) ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا قانائەت قىلغۇسى كەلمىدى. ئۇنىڭ ئەتىسى سەھەردە ئۇلار يەنىلا يا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىيسا ئەلەيـھىسسالام ھەققىدە ئېيقانلىرىغا قانائەت قىلماي، يا ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا مەسىلىھەتى پىشماي ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كېلىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى لەنەت ئېيتىشىشقا چاقىردى ۋە ھەسەن بىلەن ھۇسەيىنلەرنى بىر پارچە رەخىتكە يۆگەپ ئېلىپ كەلدى، قىزى پاتىمە رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتاتتى ئەلچىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ قەتئىي نىيتىنى كۆرۈپ بىر دەپ ئايرىم سۆھبەتلەشتى ۋە ئاقىب (دۆلەت باشلىقى) سەيىد (سىياسەت ۋە مائارىپ باشلىقى) ۋە ئەسقەف (دىنى داھى) قاتارلىق ئالىي رەھبەرلىرى مۇنداق قاراشقا كېلىشتى: «ئۇنىڭ بىلەن لەنەت ئېيتىشقا بولمايدۇ، ئۇ ئەگەر راس پەيغەمبەر بولۇپ بىز لەنەت ئېيتىشساق بىز ۋە بىزنىڭ خەلقىمىز ئەبەدى نىجاتلىق تاپالمايمىز بىزنىڭ زېمىنىمىزدىكى ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ھەممىسى قالماي ھالاك بولىدۇ». ئاخىرى ئۇلارنىڭ پىكىرى رەسۇلۇللاھنىڭ بىر نېمە دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىغا تەيىن تاپتى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: «بىز سېنىڭ قانداق تەلىۋىڭ بولسا ئورۇندايدىغان بولدۇق»، دېيىشتى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن باج ئىلىشنى قوبۇل كۆردى ۋە ئۇلار بىلەن ھەر يىلى ئىككى مىڭ قۇر كىيىم (مىڭ قۇرنى رەجەپ ‹7- ئاي›دا يەنە مىڭ قۇرنى سەپەردە تاپشۇرۇشقا) ھەر بىر قۇر كىيىم بىلەن بىر ئوقىيە ئالتۇن قوشۇپ تاپشۇرۇشقا كېلىشم تۈزدى. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلار دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە تولۇق ئەركىن بولىدىغان بولدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا بۇ كېلىشىمنامىنى ئالايىتەن يازدۇرۇپ بەردى. ئەلچىلەر رەسۇلۇللاھتىن مەزكۇر خىراجنى تاپشۇرۇۋېلىشقا ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا (مۇشۇ ئوممەتنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى روسۇلۇللاھنىڭ سۆزى بويىچە) ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى ئەۋەتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ نەجراندا ئىسلام دىني تارقىلىشقا باشلىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا سەيىد ۋە ئاقىب قاتارلىق ئالىي رەھبەرلەرمۇ نەجرانغا قايتقاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان. كېينرەك رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئەلىينى نەجراننىڭ زاكات ۋە خىراجلىرىنى يىغىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن. ھەممىگە ئايانكى ئوشرە-زاكات دېگەنلەر مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنىدىغان سېلىقتۇر.
- بەنى ھەنىفە ئەلچىلىرى: بۇ قەبىلىنىڭ ئەلچىلىرىمۇ ھىجىرىينىڭ 9- يىلى كەلگەن ئەلچىلەر 17 كىشىدىن تەركىن تاپقان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەززا مۇسەيلىمە بمۇ بار ئىدى(ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇسەيلىمە ئىبنى سومامە ئىبنى ھەبىب ئىبنى ھارس بولۇپ شۇ قەبىلىدىن) ئۇلار ئەنسارلاردىن بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۈچرىشىپ مۇسۇلمان بولۇشتى. ئەمما كەززاب موسەيلىمە ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ئوخشاش ئەمەس، بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر نەزەر سالغىنىمىزدا، كەززاپ موسەيلىمە باشتىنلا مۇسۇلمان بولۇشتىن باش تارتىپ ھوقۇق مەنسەپ تەمەسىدە بويۇن تولغاپ يۈرگەن ھەتتا رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچرىشىشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئۆمەك ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتكە قاتناشمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئاۋۋەل ئۇنى چىرايلىق سۆز ۋە ئىللىق مۇئامىلە بىلەن قولغا كەلتۈرۇشكە تىرىشقان، ئەمما ئۇنىڭغا ياخشىلىق ياراشمايدىغاندەك قىلغاچقا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ يامان نىيتى بارلىقىنى پەملىگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام شۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بىر چۈش كۆرگەن. ئۇ چۈشىدە پۈتۈن يەر-زېمننىڭ خەزىنە-بايلىقلىرى بېرىلگەن ۋە قولىغا ئىككى دانە ئالتۇن ئۈزۈك پەيدا بولۇپ قالغان، بۇ ئىككى ئۈزۈك رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ئېغىر كەلگەن ۋە ئۇنى غەم باسقان شۇئان رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي قىلىنىپ: «ئۇنى پۈۋدىگىن»، دېيىلگەن. رەسۇلۇللاھ ئۇنى پۈۋىلىگەندە ئۈزۈكلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇپ يوقالغان» رەسۇلۇللاھ چۈشىدىكى بۇ ئىككى ئۈزۈكنى ئۇنىڭدىن كېيىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغان ئىككى كاززاپ(يالغانچى)غا تەبىر ئېيتقانىدى.
خوش، مۇسەيلىمە كاززاپ ئەنە شۇنداق بويۇن تولغىغاندىن كېيىن (مۇسەيلىمە رەسۇلۇللاھقا ئەگەر، سەن سەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى مەئمۇرلۇق ھوقۇقىنى ماڭا ئىلتىپات قىلساڭ ئاندىن ساڭا ئەگىشىمەن دېگەنىدى) رەسۇلۇللاھ ئالايىتەن ئۇنى ئىزلەپ كەلدى. ئۇ قولىدا بىر پۇتاق خورما شېخىنى كۆتۈرۈۋالغانىدى، رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە رەسۇلۇللاھنىڭ ناتىقى (ۋاكالىتەن سۆزلەشكۈچىسى) سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شىماس بار ئىدى. ئۇلار مۇسەيلىمە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۇچراشتى. رەسۇلۇللاھ مۇسەيلىمىگە ئۆزى بىۋاستە گەپ قىلدى. مۇسەيلىمە ئۇنىڭغا: «ئەگەر خالىساڭ بىز سېنىڭ ئىشلىرىڭغا ئارىلاشمىساق، سەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھوقۇق ۋە ھاكىمىيەتنى بىزگە تەۋسىيە قىلساڭ ئاندىن بىز ساڭا ئەگەشسەك»، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا كەسكىن رەددىيە بېرىپ: «ئەگەر سەن مەندىن مۇشۇ بىر تال شاخنى سورىساڭمۇ ھەرگىز بەرمەيمەن، سەن ھەددىڭدىن ئاشمىغىن، ناۋادا ھەقتىن يۈز ئۆرۈيدىغان بولساڭ ئاللاھ سېنى چوقۇم ھالاك قىلىدۇ، قەسەم قىلالايمەنكى چۈشۈمدە كۆرسىتىلگەن ھېلىقى كەززاپ سەن ئىكەنسەن. ماۋۇ سابىت ئىبنى قەيىس ساڭا جاۋاب بەرسۇن، مېنىڭ ساڭا سۆزلەپ ئولتۇرغىلى ۋاقتىم يوق.ۋاقتىم يوق» دەپ قويۇپ ئۆرۈلگىنىچە كېتىپ قالدى.
ئاخىرى ئىش رەسۇلۇللاھ ئويلىغان يەردىن چىقتى. مۇسەيلىمە يەمامىگە قايتقاندىن كىيىن ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئۇ ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پەيغەمبەر بولغانلىقى دەۋاسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە : «مەنمۇ پەيغەمبەر دەپ داۋراڭ سالدى. ئۇ قوشاق ۋە قاپىيەلەرنى توقۇپ قۇرئاننىڭ ئورنغا دەسسەتمەكچى بولدى. يەمامە خەلقى ئۈچۈن ھاراق ۋە زىنا-پاھىشىلەرنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى. ئۇ: «مۇھەممەد راست پەيغەمبەردۇر»، دەيتتى. ئۇنىڭ خەلقى ئۇنىڭ يالغان-ياۋداق سۆزلىرىگە ئالدىنىپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇلىغا داپ چېلىپ ئۇنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى. مۇسەيلىمەنىڭ ئىشى كۈنسايىن زورايدى، ھەتتا ئۇنىڭ ئابرويى ئىشىپ ئۇ «يەمامە شەپقەتچىسى» دەپ ئاتالدى. ئۇ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ رەسۇلۇللاھقا خەت يازدى. ئۇ خېتىدە: «مەن پەيغەمبەرلىكتە ساڭا شېرىك قىلىندىم، يېرىم ھوقۇق بىزنىڭ، يېرىم ھوقۇق قۇرەيشلەرنىڭ بولسۇن» دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «زېمىن ئاللاھنىڭ زېمىنى، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە ئىلتىپات قىلىدۇ، ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ»، دەپ رەددىيە بەردى. ئىبنى مەسئۇد (رەزىيەللاھۇ ئەبھۇ)دىن نەقىل قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «مۇسەيلىمەنىڭ ئىككى ئەلچىسى ئىبن نەۋاھ ۋە ئىبنى ئەسساللار رەسۇلۇللاھنىڭ قېىشغا كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن: ‹سىلەر ئىككىڭلار مېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بىرەمسىلەر›، دەپ سورىدى، ئۇلار: ‹بىز مۇسەيلىمە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز›، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ غەزەپلىنىپ: ‹ئاللاھقا ئىمان كەلتۈردۈم، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈردۈم. ئەگەر مەن ئەلچىنى ئۆلتۈرەر بولسام چوقۇم ئىككىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بۇلاتتىم›، دېدى.
مۇسەيلىمە پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىپ چىققان ۋاقىت ھىجىرىينىڭ 10- يىلى ئىدى. ئۇ ئەبۇ بەكرى خەلپىلىكىنىڭ 1- يىلى، يەنى ھىجىرىيىنىڭ 12- يىلى رەببىئۇلئەۋۋەلدە يەمامە ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنى ھەمزە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ قاتىلى ۋەھشى ئىبنى ھەرب ئۆلتۈرگەنىدى. ئەمما، يەنە بىر پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغۇچى ئەسۋەد ئەل ئەنەسى دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ يەمەندە باش كۆتۈردى، ئۇنى پەيرۇز دېگەن كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۆلتۈرگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ۋەھىي ئارقىلىق بۇ خەۋرنى مۇسۇلمانلارغا ئۇقتۇرغان. ئەمما، يەمەندىن بۇ خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچى رەسۇلۇللاھنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن كەلگەچكە ئەبۇ بەكرىگە دوكلات قىلىشقا توغرا كەلدى.
- بەنى ئامىر ئىبنى سەئسەئە ئەلچىلىرى: بەنى ئامىر ئەلىچىلىرى ئىچىدە ئاللاھنىڭ دۇشمىنى ئامىر ئىبنى تۇپەيىل ئەربەد ئىبنى قەيىس(لۇبەيدنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى) خالىد ئبنى جەئپەر ۋە جاپپار ئىبنى ئەسلەملەر بار ئىدى.
ئۇلار شۇ قەبىلىنڭ باشلىق، كاتتىۋاشلىرى ۋە ئوت قۇيرۇقى شەيتانلىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئامىر ئىبنى تۇپەيل دېگەن بەتبەخ بىئرى مەئونە پاجىئەسنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئىدى. بۇ ئۆمەك مەدىنىگە قەدەم بېسىش ئالدىدا ئامىر بىلەن ئەربەد يەنە سۇيقەست پىلانلاپ رەسۇلۇللاھنى تۇيدۇرماي ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولدى. ئەلچىلەر كىلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى ئامىر رەسۇلۇللاھنى گەپكە سېلىپ گال قىلماقچى بولدى، شۇئان ئەربەد رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىگە ئۆتۇپ شارت قىلىپ قىلىچنى بىر غېرىچ سۇغارغانىدى، ئاللاھ ئۇنىڭ قولىنى ھەرىكەتتىن توختاتتى، ئۇنىڭ قىلىچىنى غېلىپىغا كىرگۈزىۋېتىشكىمۇ مادارى يەتمىدى. ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرى ئەنە شۇنداق مۇھاپىزەت قىلغانىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككىسىگە دۇئا قىلدى، ئۇلار قايتقاندىن كېيىن ئاللاھ ئەربەدكە بىر چاقماق ئەۋەتىپ ئۇنى تۆگىسى بىلەن قۇشۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ئامىر مەدىنىدە سەلول جەمەتىدىن بىر ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشكەنىدى، ئۇ يەردە ئۇنىڭ گەجگىسىگە بىر خىل بەز (ئۆسمە) پەيدا بولۇپ شۇنىڭ بىلەن ئۆلدى. ئۇ : «تۆگە كېسىلىگە ئوخشاش بەز چۈشۈش سەلولىينىڭ ئۆيىدە ئۆلگۈدەكمەن»، دەيتتى. سەھىھۇل بۇخارىدا ئامىر پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مەن سېنى ئۈچ خىل يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا ئىختىيار قويىمەن، بىرى يېزا قىشلاق-سەھرالار ساڭا بولسۇن، شەھەر كەنىتلەر ماڭا بولسۇن. يەنە بىرى مەن سەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن سېنىڭ خەلىپەڭ بولاي. ئۈچىنچىسى مەن ساڭا غەتپاندىن ئىككى مىڭ ئاتلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىمەن»، دېگەن. ئۇ قايتىش يولىدا بىر خوتۇننىڭ ئۆيىدە كېسەل تەگكەن. ئۇ: «ماڭا تۆگە كېسىلىگە ئوخشاش كېسەل تىگىپتۇ؟ مۇشۇنداق خوتۇننىڭ ئۆيىدە ئۆلۈپ كىتەرمەنمۇ؟ ماڭا ئېتىمنى تۇقۇپ بېرىڭلار» دېگەن ئېتىغا مىنىپ ھايال ئۆتمەيلا جان ئۈزگەن.
- نەجىب ئەلچىلىرى: نەجىب ئەلچىلەر ئۆمىكى 13 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ئۇلار ماللىرىنىڭ زاكىتىدىن نامراتلارغا بېرىپ ئاشقىنىنى بىللە ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ ئۆمەكنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى ئۇلار كەلگەن پېتى قۇرئان ئۆگۈنۈشكە كىرىشىپ كەتكەن، ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سورىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا يازما جاۋابنامە پۈتۈپ بەردى، ئەلچىلەر ئۇزاق تۇرماي قايتماقچى بولۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا يوللۇق تۇتۇپ ئۇزىتىپ قويدى. ئۇلار ياتاقلىرىغا بېرىپ ئۇلار قالدۇرۇپ كەلگەن بىر يىگىتنى ئەۋەتتى، يىگىت كىلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھ بىلەن قەسەم، مېنىڭ شۇنچە يىراق يەردىن جاپا چىكىپ كېلىشىمدىكى سەۋەب سەن ئاللاھتىن تىلەپ بەرسەڭ ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى كەچۈرسە، ماڭا شەپقەت قىلسا ۋە مېنىڭ قەلبىمنى باي قىلسا»، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەڭ قانائەتچان ئادەم بولدى. كېيىنكى مۇرتەدلىك ئەۋج ئالغان كۈنلەردە ئۇ ئىسلامدا چىڭ تۇردى ۋە ئۆز قەۋمىگە نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارمۇ ئىسلامدا مۇستەھكەم بولدى، ھېچقايسىسى ئاغمىدى. بۇ ئۆمەك كېيىنكى يىلى ۋىدالىشىش ھەججىدە رەسۇلۇللاھ بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشقانىدى.
16. تەي ئەلچىلىرى: مەزكۇر ئەلچىلەر ئىچىدە زەيدۇلخەيل دېگەن كىشىمۇ بار ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتى رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا دالالەت قىلىۋىدى، ئۇلار مۇسۇلمان بولدى. ئۇلارنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقىمۇ ياخشى بولۇپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ ھېلىقى زەيدۇلخەيلى ھەققىدە: «مەن ئەرەبلەر ئىچىدە بىرەر ئادەمنىڭ پەزىلەت تەۋسىفنى ئاڭلاپ ئاندىن يۈز كۆرۈشسەم، ئۇلار مەن ئاڭلىغاندەك ئاز چىقاتتى. بىراق زەيدۇلخەيلى ئۇ ئەخلاق ۋە پەزىلەتتە مەن ئاڭلىغاندىنمۇ كۆپ ئارتۇق ئىكەن»، دېدى ۋە ئۇنى زەيدۇلخەيرى(ياخشى زەيد) دەپ ئاتاپ قويدى.
مانا مۇشۇنداق قىلىپ ھىجىرىيىنىڭ 9- ۋە 10- يىللىرى ھەر قايسى قەبىلە، پادىشاھلىق، ۋە خەلىفىلىكلەرنىڭ ئەلچى ۋە ئۆمەكلىرى مەدىنىگە ئۈزۈلمەي كېلىپ ئىتائەت بويۇنلىرىنى ئەگدى. تارىخچىلار يەنە بۇ ئەلچىلەر ئىچىدە يەمەن ئەلچىلىرىنى، قوزائە قەبىلىسىدىن ئەزدى، بەنى سەئەد ۋە ھۇزەيم ئايماقلىرىنىڭ ئەلچىلىرىنى، بەنى ئامىر ئىبنى قەيىس، بەنى ئەسەد، بەھرائ، خەۋلان، مۇھارىب، بەنى ھارس ئىبنى كەئەب، غامىد، بەنى مۇنتەفىق، سىيلامان، بەنى ئەبەس، موزەينە، موراد، زوبەيدە، كىندە، زىمۇررە، غەسسان، بەنى ئەيىش ۋە نەخەئە قەبىلىلىرىنىڭ ئەلچىلىرىنى تىلغا ئالىدۇ. نەخەئە قەبىلىسېنىڭ ئەلچىلىرى ئەڭ ئاخىردا كەلگەن ئەلچىلەر بولۇپ ھىجىرىيىنىڭ 11-يىلى مۇھەررەمنىڭ ئوتتۇرىدا كەلگەن ئۇلارنىڭ سانى ئىككى يۈز كىشى ئىدى. مەزكۇر ئەلچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھىجىرىيىنىڭ 9- ۋە 10- يىللىرى كەلگەن ئاز بىر قىسىمىلا ھىجىرىينىڭ 11- يىلىغىچە كىچىككەن.
