Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

6-قىسىم: ھۇنەين، تەبۇك غازاتلىرى، ۋىدالىشىش ھەججى ۋە ۋاپات

This content is not yet available in your language.

خوش ..، مانا بۇ ئەلچى ئەۋەتىپ ئەل بولۇش دولقۇنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى ئىسلام دەۋىتىنىڭ پۈتۈن ئەرەب ئارىلىدا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا كىشىلەرنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ۋە قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغانلىقىنى ۋە ئىسلام ھۆكۈمرانلىق نوپۇز دائىرسىنىڭ زور دەرىجىدە كىڭەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن ئەرەبلەر ئۇزۇندىن بىرى مەدىنىگە قارىتا كۆزىتىش ۋە ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش پوزىتسىيەسىنى تۇتقانىدى، ئاخىرى ئۇلار مەدىنە ئالدىدا ئەل بولماقتىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. دىمەك مەدىنە ئەمدى پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ دىني ۋە سىياسىي پايتەختىگە ئايلاندى. بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بولمايتتى. بىراق، بىز ئىسلام دىنى پۈتۈن ئارال خەلقىنىڭ ھەممىسېنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ كەتتى دېيەلمەيمىز. چۈنكى قەبىلە چوڭلىرىغا تابىيلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئاغزاكى مۇسۇلمان بولۇپ قويغان، ئەمما كۆڭلى-كۆكسى تېخىغىچە قاراقچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقتىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن، ئىسلام تەلىماتلىرىمۇ ئۇلارنىڭ قەلبىنى تامامەن يورۇتۇپ كېتەلمىگەن بىر بۈلۈك قارا قۇرساق بەدەۋىلەر بار ئىدى. قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مۇنداق ئەيىبلىدى: ﴿ الۆَىْرَابُ ۆَشَدُّ كُفْرًا وَنِفَاقًا وَۆَجْدَرُ ۆَلاَّ يَىْلَمُواْ چُدُودَ مَا ۆَنزَلَ اللّھُ ىَلَۈ رَسُولِھِ وَاللّھُ ىَلِيمٌ چَكِيمٌ o وَمِنَ الۆَىْرَابِ مَن يَتَّخِۇُ مَا يُنفِقُ مَغْرَمًا وَيَتَرَبَّپُ بِكُمُ الدَّوَاېِرَ ىَلَيْھِمْ دَژېِرَەُ السَّوْءِ وَاللّھُ سَمِيىٌ ىَلِيمٌ ﴾ تەرجىمىسى: «ئەئرابىلارنىڭ كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر، ئاللا پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر، ئاللاھ (مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[97]. ئەئرابىلاردىن بەزىلىرى (ئاللا يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى جەرىمانە ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، ئاللا (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر». (سۈرە تەۋبە 97-98- ئايەتلەر) قۇرئان كەرىم يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئاپىرىن ئۇقۇدى: ﴿وَمِنَ الۆَىْرَابِ مَن يُۋْمِنُ بِاللّھِ وَالْيَوْمِ الژخِرِ وَيَتَّخِۇُ مَا يُنفِقُ قُرُبَاتٍ ىِندَ اللّھِ وَپَلَوَاتِ الرَّسُولِ ۆَلا إِنَّھَا قُرْبَەٌ لَّھُمْ سَيُدْخِلُھُمُ اللّھُ فِي رَچْمَتِھِ إِنَّ اللّھَ غَفُورٌ رَّچِيمٌ﴾ «ئەئرابىلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللا يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاغا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستلا ئاللاغا بولغان يېقىنچىلىققا ئېرىشىدۇ، ئاللاغا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللا ھەقىقەتەن (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) تولىمۇ مېھرىباندۇر» (سۈرە تەۋبە 99- ئايەت)

مەككە، مەدىنە، سەقىف، يەمەن ۋە بەھرەيىنلەردىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئىسلام دىنى ئەلۋەتتە كۈچەيگەن ۋە ئۇلاردىن كاتتا ساھابىلەر ۋە مۇسۇلمان ئەربابلار يېتىشىپ چىققان.

دەۋەتنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى

رەسۇلۇللاھنىڭ ئاخىرقى ھاياتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تۇتۇش قىلىشتىن ئاۋۋال بىز ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خۇلاسە سەمەرىسى بولغان ۋە ئۇنى جىمىي پەيغەمبەرلەردىن ئۈستۈن قىلغان، ھەتتا ئەۋۋەل-ئاخىرى جىمىي ئىنسانلارنىڭ سەرۋىرى دېگەن تاجغا مۇشەررەپ قىلغان ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ئىش-ئىزلىرى، ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلىرىگە بىر قۇر نەزەر سېلىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن ﴿يَا ۆَيُّھَا الْمُزَّمِّلُ o قُمِ اللَّيْلَ إِلا قَلِيلًا ﴾ «ئى كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)[1] كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن». (سۈرە مۇزەممىل 1-، 2-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ۋە ﴿يَا ۆَيُّھَا الْمُدَّڭِّرُ o قُمْ فَۆَنۇِرْ﴾ «ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) [1] تۇر! (ئىنسانلارنى)ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر» (سۈرە مۇددەسسىر 1-2- ئايەت) دەپ بۇيرۇق قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ زېمىندىكى بۈيۈك ئامانەت بارلىق ئىنسانىيەتكە مەسئۇل بولۇشتىن ۋە ھەر قايسى مەيدانلاردىكى ئۈستىگە ئېلىپ 23 يىلىدىن كۆپرەك ۋاقىت ھاردىم-تالدىم دېمەي كۈرەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.

قىسقىسى، ئۇ جاھىلىيەت ئوي-خىياللىرى، شەھۋانىيەت ئارقان كىشەنلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن، يەر شارى تارتىش كۈچى تەسىرىگە ئېغىر يولۇققان، جاھىلىيەتچە تەسەۋۋۇرغا غەرق بولۇپ كەتكەن ۋە غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئىڭراۋاتقان ئىنسانىيەت ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ كەسكىن، ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ دەھشەتلىك كۈرەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ سابىت، بەرقەدەم بىلەن مۇستەھكەم تۇردى. ھەتتا بىر چاغدا قىسمەن ساھابىلارنىڭ ئىدىيىسى ئازات بولۇپ جاھىلىيەتچە تەسەۋۋۇردىن ۋە ئەينى چاغدىكى باتىل ھايات يۈنىلىشىدىن ئازدۇر-كۆپتۇر قۇتۇلغاندەك بولۇۋىدى، باشقا ساھەلەردە يەنە باشقىچە كۈرەشلەر باشلاندى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە مۇئمىنلەرگە قارشى ئۇيۇشقان ۋە بۇ يېڭى يۇمران كۆچەتلەرنى ئۆسۈپ يىلتىز تارتقىچە، قانات قۇيرۇقلىرىنى كېرىپ ئەتراپىغا سايە تاشلىغۇدەك بولغىچە، ئۇنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىچكى ئۇرۇشلار يەنى مۇناپىقلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ئۇرۇشى باشلاندى. ئەرەب يېرىم ئارىلى تەۋەسدىكى ئۇرۇشلار ئاياغلاشماي تۇرۇپلا رۇم دائىرلىرى بۇ يېڭى دۆلەتكە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك ئۇرۇشى قوزغىدى ۋە ئۇنىڭ شىمالىي قىسمىغا تاجاۋۇزچىلىق قولىنى سۇندى.

مۇشۇ جەرياندا ئۇ ھېلىقى بىرىنچى دەرىجىلىك كۈرەشنى (ئىدىئولوگىيە كۈرىشى) ھەرگىز توختىتىپ قويىمىدى. ئۇ كۈرەش ھايات-ماماتلىق كۈرىشى بولۇپ، ئۇنىڭغا دۈشمەن تەرەپتىن شەيتان مەلئۇن رەھبەرلىك قىلدى. ئۇ ئىنسانىيەت قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئىدىيىۋى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.

بۇ تەرەپتىن ئاللاھنىڭ دەۋەتىگە ۋە دەۋەت مەيدانلىرىنىڭ ھەر قايسى نۇقتىلىرىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارغا مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام قوماندانلىق قىلدى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى مال-دۇنيا ئۇنىڭغا يۈزلەنگەن تۇرۇقلۇق غورىگىل ۋە قىسلچىلىقتا ئوتتى.ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان مۇئمىن مۇسۇلمانلار ئەمىنلىك ۋە راھەت ھېس قىلىشتى. ئۇنىڭ ھاياتى داۋاملىق جاپا مۇشەققەت بىلەن ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇ بۇنىڭ ھەممىسىگە چىرايلىقچە سەبرى قىلدى. كىچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتى ئۈچۈن ئېتىكاپقا كىردى، قۇرئان تىلاۋەت قىلدى ۋە تەكرارلىدى ۋە ئاللاھنىڭ تەلىپىگە لايىق قولچىلىق(بەندىچىلىك) بۇرچىنى ئادا قىلدى.

رەسۇلۇللاھ مانا مۇشۇنداق 20 يىلدىن كۆپرەك داۋام قىلغان مەڭگۈلۈك ئۇرۇش (جىھاد) ئوتى ئىچىدە ياشىدى. ئۇ بۇ جەرياندا بىر ئىشنى دەپ يەنە بىر ئىشقا سەل قارىمىدى. ئۈچىنچى ئىشنى دەپ تۆتىنچى بىر ئىشنى تاشلاپ قويمىدى، ئاخىرى ئىسلام دەۋىتى كەڭ كۆلەمدە ئادەمنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئۈنۈملەرگە ئېرىشتى. مانا ئەمدى پۈتۈن ئەرەب ئارىلى ئىسلام ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇپ جاھىلىيەت چاڭ-تۇزانلىرى ئارال ئاسمىنىدىن يوقۇلىشقا باشلىدى. ئىدىيىۋى كېسەللەر ساقىيىپ بۇت-ھەيكەللەر چېقىپ تاشلاندى، ھەتتا ئۇنى مۇشرىكلار ئۆز قوللىرى بىلەن چاقاتتى. تەۋھىد (يەنى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر دېگەن) سادالىرى ئاسمان-پەلەك ياڭرىدى. ئىمان ئىسلام يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغان بۇ قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا بەش ۋاقىت نامازغا توۋلانغان ئەزان ئاۋازلىرى كۆكنى ياراتتى. قارى-قۇرئان تىلاۋەتىچىلەر قۇرئاننى تەلىم قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئاھكاملىرىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپلەرگە يۈرۈپ كەتتى.

كەڭ ئامما ۋە چېچىلاڭغۇ قەبىلە جەمەتلەر بىرلەشتى ئادەم ئادەمگە چۇقۇنۇشتىن ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشقا قۇتۇلدى. ئەمدى بۇ يەردە يۇقىرى تەبىقە تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر، قۇلدارلار ۋە قۇللار، ھۆكۈمرانلار ۋە مەھكۇملار، زالىملار ۋەياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار دەيدىغان تەبىقە ئايرىمىچىلىقى قالمىدى. ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەندىسى، سۆيۈملۈك قان-قېرىنداشلار ئۇلار ئاللاھنىڭ شەرىئىتى (قانۇنى ھۆكۈمى) ئالدىدا باب-باراۋەر دېگەن قاراش تىكلەندى. ئاللاھ ئۇلاردىن جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ تەرەببازلىق ئىددىيسىنى، مۇغەمبەر بويۇنتاۋلىقلىرىنى ۋە ئاتا-ئەجدادلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ناچار خۇيىنى كەتكۈزدى. ئەمدى: پەقەت تەقۋالىقا، ئەرەپ،بىلەن غەيرى ئەرەپ، ئاق، تەنلىك بىلەن قارا تەنلىك ئارسىدىكى يۇقىرى تۆۋەنلىكنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەمگە ئايلندى. ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئادەم ئاتىنىڭ بالىلىرى ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارالغان» دېگەن قاراش ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.

(بۇ دەۋەتنىڭ نەتىجىسىدە) ئەرەب بىرلىكى، ئىنسانىيەت بىرلىكى، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ئاخىرەتلىك بەخىت، سائادىتى ھەقىقى رەۋىشتە ئىشقا ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن دەۋر ئۆزگەردى، جاھان ئوڭشالدى. تارخ بېتىگە يىپيىڭى سەھىپە ئېچىلدى. ئەقىل-پاراسەت يۈكسەلدى. ۋەھالەنكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇنياغا جاھىلىيەت روھى ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى بۇزۇق، روھى چىرىگەن، ئىنسانىي قەدرى-قىممەت ۋە مىزانلار دەخلىگە ئۇچرىغان، زۇلۇم-سىتەم ئىزىش ۋە ئىزىلىشلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ كەتكەنىدى. ئەينى چاغدا نىساننى چېكدىن ئاشقان راھەتپەرەسلىك يۇقىرى ماددى ئىستىمال ئىنسانىيەتنىڭ بىردىنبىر غايىسى ئىدى. بار بولغان ئىلاھىي دىنلارمۇ ئەسلى ماھىيتىنى يوقاتقان ۋە چىرىكلەشكەن بولۇپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئىدىيسىگە رەھبەرلىك قىلغۇدەك رولى قالمىغانىدى. قىسقىسى بۇ دىنلار ھاياتى كۈچى ۋە ياكى روھىي تەسىرى قالمىغان قۇرۇق مۇراسىمغا ئايلىنىپ قالغانىدى.

ئىسلام دەۋىتى كىشىلىك ھاياتتا ئۆزىنىڭ رولىنى ھەقىقىي رەۋىشتە جارى قىلدۇرۇپ ئىنسانىيەتنى روھىي جەھەتتىكى قۇرۇق ۋەھىمە، خۇراپاتلىق، روھىي قۇللۇق، مەھكۈملۇق، پاسادخورلۇق، مەنىۋى ئەخلاقى بۇزۇلۇش ۋە چۈشكۈنلىشىش قاتارلىقلاردىن خالاس قىلدى. جەمئىيەت زۇلۇم-سىتەم، چېچىلاڭغۇلۇق ۋە ئىشەنچىسىزلىكتىن، تەبىقە ئايرىمىچىلىقى ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇستەبىتلىكىدىن، چىراغچى رامباللار ۋە ئالدامچى مەككارنىڭ دەستىدىن خالىي بولدى.

بۇ دەۋەت ئىنسانلار دۇنياسىنى ئىجىتمائى ئەدىلى-ئادالەت، سىياسىي باراۋەرلىك ئورنىتىلغان، ئىلىم-مەرىپەت گۈللەنگەن، ئىنسانىي مۇھەببەت كۈچەيگەن، ئاللاھ كۆرسەتكەن ھايات يولى ۋە قىممەت قاراشلار ئىنسانلارنىڭ نەپسى-ئەقلى خاھىشلىرىدىن غالىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ پىكىر-ھەرىكىتىگە ھەقىقى تۈردە يېتەكچىلىك قىلغان، جىنايەت مەنبەلىرى ئېتىلگەن، قىسقىسى ئىنسانلار دۇنياسىدا ئاللاھنىڭ سەلتەنىتى ھۆكۈم سۈرگەن ئىللىق ئادىل دۇنيا قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولدى.مانا بۇ بۇرۇلۇش ئارقىلىق ئەرەب يېرىم ئارىلى ئالەم بىنا بولغاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاجايىپ يۈكسىلىشلەرگە ئېرىشتى ۋە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئالتۇن دەۋرىگە قەدەم قويدى.

دىنىي دەۋەت ئېلىپ بىرىش، ئىلاھىي ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈش ۋە مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغۇزۇش ئاساسىدا يېڭى جەمئىيەت قۇرۇش ئىشلىرى بىر قۇر تاماملىنىۋىدى، گويا بىر مەخپىي سادا رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىگە «سېنىڭ دۇنيادا تۇرىدىغان ۋاقتىڭ ئاياغلىشاي دەپ قالدى» دېگەندەك بىر ئۇچۇر يوللىدى. بۇ ئۇچۇرنىڭ بېشارەت ۋە ئىشارەتلىرى ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلىنىشكە باشلىدى. ئۇ ھىجىرىيىنىڭ 10- يىلى مۇئاز ئىبنى جەبەلنى يەمەنگە يولغا سالغاندا: «ئى مۇئاز ئىھتىمال سەن مۇشۇ يىلدىن كېيىن مەن بىلەن ئۇچرىشالماسلىقىڭ مۇمكىن، بەلكىم مېنىڭ مەسجىدىمدىن ۋە قەبرەمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالارسەن» دېگەن مۇئاز بۇ گەپنى ئاڭلاپ رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كۆز يېشى قىلغان ئىدى.

ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ يىل مەككىدە ھەر قايسى ئەرەب قەبىلە خەلقلرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرۈشۈپ رەسۇلۇللاھدىن دىن-شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگۈنۈپ رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ ئامانەتنى يەتكۈزگەنلىكىگە، ئەلچىلىكنى ئادا قىلغانلىقىغا ۋە مىللەتكە سەمىمىي نەسىھەت قىلغانلىقىغا گۈۋاھلىق ئېلىپ يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە جەۋرى-جاپاسىنى تارتقان دەۋەتنىڭ سەمەرىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشنى ئىرادە قىلدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ بۇ يىل ئۆزىنىڭ بۇ ھۆججەت خاراكتېرلىك چوڭ ھەجكە ئىرادە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. نەتىجىدە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە ھەج قىلىش مەقسىتىدە مەدىنىگە نۇرغۇن ئادەملەر جەم بولدى ۋە زۇلقەئىد(11-ئاي)نىڭ 26- كۈنى شەنبە رەسۇلۇللاھ سەپەر تەييارلىقىنى پۈتتۈردى.

ئۇ بېشىنى تاراپ ياغلاندى (ئۇلاندى) ئىشتان ۋە رىداسىنى كەيدى. قۇربانلىق تۆگىسىگە بەلگە ئېسىپ پىشىن نامىزىدىن كېيىن جەنۇپقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئەسىر ۋاقتىدىن بۇرۇنراق زۇلھۇلەيغىگە يىتىپ باردى ۋە ئۇ يەردە ئەسىر نامىزىنى ئىككى رەكئەت قىلىپ قەسىر ئوقۇدى. ئاندىن شۇ يەردە قونۇپ قالدى. ئەتىسى ئەتتىگەن ساھابىلارغا: «ماڭا بۈگۈن كىچە ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنىپ: «مۇشۇ مۇبارەك ۋادىدا ناماز ئۇقۇغىن، ئۆمرە ۋە ھەج قىلىمەن دىگىن» دېيىلدى» دېدى. ئۇ پىشىن نامىزىنىڭ ئالدىدا ئىھرام ئۈچۈن غۇسلى تاھارەت ئالدى. ئاندىن ئۇنىڭ باش ۋە بەدەنلىرىگە ئائىشە ئۆز قولى بىلەن ئىپار ئەنبەر قېتىلغان خۇش پۇراق خۇرۇچلىرىنى سۇۋاپ قويدى. ھەتتا خوش-پۇراق مەلھىمېنىڭ نۇرى ئۇنىڭ چاچ ساقاللىرىدا جىلۋىلىنەتتى. ئاندىن ئۇنى شۇ پېتى قويۇپ يۇيۇۋەتمىدى. ئارقىدىن ئىشتان ۋە رىداسىنى كىيىپ پىشىن نامىزىنى ئىككى رەكئەت ئوقۇپ شۇ ئورنىدىلا ھەج ۋە ئۆمرىگە بىراقلا تەكبىر ئېيتىپ ھەج قىران غا ئىھرام باغلىدى. ئاندىن چىقىپ قەسۋا(تۆگىسېنىڭ ئىسمى)غا مىنىپ تۇرۇپ تەكبىر ئوقۇدى ئاندىن تۈزلەڭلىككە چىققاندا يەنە توختاپ تەكبىر ئوقىدى.

ئۇ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ بىر چاغدا مەككىگە يېقىن كېلىۋىدى «زىتتىۋەن» دېگەن جايدا قونۇپ قالدى، ئەتىسى ھىجىرىيىنىڭ 10- يىلى زۇلھەججنىڭ(12-ئاي)نىڭ 4- كۈنى يەكشەنبە سەھەردە غۇسلى تاھارەت ئېلىپ قوپۇپ بامداد نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن مەككىگە كىردى يولدا سەككىز كۈنىنى ئوتكۈزدى، بۇ ئوتتۇراھال سۈرئەت ھېسابلىناتتى.

رەسۇلۇللاھ مەسجىدۇلھەرەمگە كىرىپ ئاۋال بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلدى، سافا-مەرۋەنىڭ ئوتتۇرىسىدا سەئىيە قىلدى ۋە ئىھرامدىن چىقىپ ھالال بولمىدى. چۈنكى ئۇ ھەج قىرانغا ئېھرام باغلىغان بولۇپ ئۆزى بىلەن بىللە قۇربانلىققا تۆگە ھەيدەپ كەلگەنىدى. ئاندىن مەككىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ھەجۇن دېگەن جايغا چىقىپ ئورۇنلىشىپ شۇ يەردە تۇردى ۋە ھەج تاۋاپىدىن باشقا قايتا تاۋاپقا كىرمىدى. ساھابىلەردىن ھەدىيە (قۇربانلىق تۆگە) ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى ئىھرامنى ئۆمرە ھەجىگە ئۆزگەرتىۋېتىشكە، ئۇلار بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىپ سافا ۋە مەرۋىدە سەئىيە قىلىپ بولغاندىن كىيىن تولۇق ھالال بولۇشقا بۇيرىدى. ساھابىلار بۇنىڭدىن ئىككىلىنىپ قالدى، شۇڭا رەسۇلۇللاھ بۇنىڭغا قارىتا: «ئەگەر مەن ھازىر بىلگەنلىرىمنى بۇرۇن بىلگەن بولسام، ھەدىيە (قۇربانلىق) ھەيدەپ كەلمىگەن بولاتتىم ۋە ئەلۋەتتە ئىھرامدىن چىقىپ ھالال بولغان بولاتتىم» دېدى شۇنىڭ بىلەن ھەدىيە(قۇربانلىق مال) ھەيدەپ كەلمىگەنلەر ئىھرامدىن چىقىپ ھالال بولۇشتى، ھەممەيلەن رەسۇلۇللاھنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلدى.

ئۇ زۇلھەج (12-ئاي)نىڭ 8- كۈنى (ئۇنى تەرۋىيە يەنى قۇربانلىق ماللارنى سۇغا قاندۇرۇش كۈنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بامدادتىن كېيىنلا مەناغا چىقتى ئۇ يەردە پىشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن ۋە ئەتىسى بامدات (بەش ۋاق ناماز)نى ئوقۇدى، ئاندىن بىر ئاز تۇرۇپ كۈن چىققاندىن كىيىن ئەراپاتقا قاراپ يول ئالدى. رەسۇلۇللاھ ئەراپاتقا يىتپ بېرىپ ئۇ يەردە ئۇنىڭغا ئاتاپ ياسالغان بىر چىدىرغا چۈشتى بىر چاغدا قۇياش قايرىلىپ كۈن چۈشتىن ئۆتۈۋىدى رەسۇلۇللاھ قەسۋا(تۆگىسېنىڭ ئىسمى)نى تەييارلاشقا بۇيرۇدى ئۇلاغ تەييارلاندى. رەسۇلۇللاھ قەسۋاغا مىنىپ بەتنى ۋادى (ئەراپات تېغىنىڭ تۆۋەنكى تۈزلەڭلىك)غا كەلدى بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر يۈز قىرىق تۆتمىڭ كىشى جەم بولغانىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە ئۇلارغا تۆۋەننىكى ھۆججەت خاراكتېرلىك نۇتۇقنى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

ئەييۇھەنناس! ئىسىمەئۇ قەۋلى! (ئى خالايىق! گىپىمگە قولاق سېلىڭلار!) مەن بىلمەيمەن، ئېھتىمال مەن بۇ يىلدىن كېيىن سىلەر بىلەن بۇ يەردە مەڭگۈ ئۇچرىشالماسلىقىم مۇمكىن. چوقۇمكى سىلەرنىڭ جېنىڭلار ۋە مال-مۈلكىڭلار خۇددى مۇشۇ ئاي مۇشۇ جايدا سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنۈڭلار ھارام بولغىنىغا ئوخشاش سىلەرگە ھارامدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى! جاھىلىيەت دەۋا دەستۇرىدىن ھەر قانداق بىر ئىش ھازىردىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ. جاھىلىيەت (كونا) قان قەرىزلىرىنىڭ ھەممىسى شەرتسىز بىكار قىلىنىدۇ. مەن ئاۋۋال جەمەتىمىزنىڭ قان قەرىزلىرىمىزدىن ئىبنى رەبىئە ئىبنى ھارسنىڭ قان قەرزىنى بىكار قىلىمەن. ئۇ بەنى سەئەد قەبىلىسىدە ئېمىتىشكە بىرىلگەنىدى. ئۇنى ھۈزەيىل قەبىلىسىدىكىلەر ئۆلتۈرۋەتكەن جاھىلىيەت جازانىخورلۇقلىرىمۇ تۈپتىن بىكار قىلىنىدۇ، مەن بىكار قىلىدىغان جازانىنىڭ تۇنجىسى تاغام ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ جازانىلىرىدۇر. ئۇنىڭ بارلىق جازانە-ئۆسۈمكەشلىك ئىشلىرى قەتئى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.

ئەييۇھەنناس! ئاياللار مەسىلىسىدە ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى بىلەن ئالدىڭلار ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (يەنى نىكاھ) بىلەن ھالال (يەنى خوتۇن) قىلدىڭلار، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدە ھەققىڭلار بار. ئۇلار سىلەرنىڭ چۈشەكلىرىڭلارغا غەيرى ئادەملەرنى دەسسەتمىسۇن، ناۋادا ئۇلار شۇنداق قىلىپ سالسا ئۇلارنى زەخمىلەنمىگۈدەك ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭمۇ سىلەرنىڭ زىممىڭلاردا ھەققى بار. ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك رىزقى ۋە تاقەت مىقدارى كىيىم-كېچىكى قاتارلىقلار.

مەن سىلەرگە شۇنداق بىر نەرسىنى قالدۇردۇمكى ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىڭلار، ھەرگىز ئازمايسىلەر ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابى(قۇرئان)دۇر.

ئەييۇھانناس!( ئى خالايىق!) مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، سىلەردىن باشقا ئۇممەت بولمايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى سىلەر بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، بەش ۋاقىت نامىزىڭلارنى ئوقۇڭلار، رامىزان(ئېيىڭلارنىڭ) روزىسىنى تۇتۇڭلار. ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى رازىمەنلىك بىلەن ئادا قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بەيتىنى تاۋاپ قىلىڭلار، ئىش ئىگىلىرىڭلار (يەنى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر)غا ئىتائەت قىلىڭلار! پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ جەننىتىگە ئامان-ئېسەن كىرەلەيسىلەر».

رەسۇلۇللاھ: سىلەر مەن توغرىلىق سوراق قىلىنىسلەر. سىلەر نېمە دەيسىلەر؟ دېگەنىدى ئۇلار: «ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە، ئامانەتنى ئادا قىلغانلىقىڭغا گۈۋاھلىق بىرىمىز»، دېيىشتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئاسمان تەرەپكە كوتۈرۈپ كىشىلەر تەرىپىگە بىر نوقۇپ: «ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بولغىن»، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ئەراپاتتىكى بۇ نۇتقىنى رەبىئە ئىبنى ئومەييە ئىبنى خەلەپ كىشىلەرگە سۆزمۇ-سۆز جاكارلاپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەتكۈزۈپ تۇراتتى.

رەسۇلۇللاھ نۇتۇقتىن پارىغ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتى نازىل بولدى: ﴿چُرِّمَتْ ىَلَيْكُمُ الْمَيْتَەُ وَالْدَّمُ وَلَچْمُ الْخِنْزِيرِ وَمَا ۆُھِلَّ لِغَيْرِ اللّھِ بِھِ وَالْمُنْخَنِقَەُ وَالْمَوْقُوۇَەُ وَالْمُتَرَدِّيَەُ وَالنَّطِيچَەُ وَمَا ۆَكَلَ السَّبُىُ إِلاَّ مَا ۇَكَّيْتُمْ وَمَا ۇُبِچَ ىَلَۈ النُّپُبِ وَۆَن تَسْتَقْسِمُواْ بِالۆَزْلاَمِ ۇَلِكُمْ فِسْقٌ الْيَوْمَ يَېِسَ الَّۇِينَ كَفَرُواْ مِن دِينِكُمْ فَلاَ تَخْشَوْھُمْ وَاخْشَوْنِ الْيَوْمَ ۆَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَۆَتْمَمْتُ ىَلَيْكُمْ نِىْمَتِي وَرَگِيتُ لَكُمُ الإِسْلاَمَ دِينًا فَمَنِ اگْطُرَّ فِي مَخْمَپَەٍ غَيْرَ مُتَجَانِفٍ لِّإِڭْمٍ فَإِنَّ اللّھَ غَفُورٌ رَّچِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھدىن غەيرىينىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن) يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋان (نىڭ گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. ئەزلام (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە پال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈچ پارچە ياغاچ) بىلەن پال سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى، بۇ گۇناھتۇر، كافىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار (نى يوقىتىش) دىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم، كىمكى ئاچلىقتا ئىلاجىسىزلىقتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە گۇناھ بولمايدۇ)، ئاللا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر» ( «قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 3- ئايەت) بۇ ئايەتنى ئاڭلاپ ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭغا نېمىشقا يىغلايسەن دىيىلگەنىدى ئۇ: «ھەر قانداق ئىش تاكامۇللاشسا ئۇنىڭغا نۇقسان ئەگىشىدۇ»، دېدى.

نۇتۇقتىن كېيىن بىلال ئەزان توۋلىدى ۋە تەكبىر ئېيتتى شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئادەملەر بىلەن بىللە پىشىن نامىزىنى ئوقۇدى، ئارقىدىن بىلال يەنە تەكبىر ئېيتتى رەسۇلۇللاھ ئورنىدىن تۇرۇپ ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدى بۇ ئىككى نامازنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقا ناماز ئوقىمىدى. نامازدىن كېيىن تۆگىسىگە مىنىپ مەۋقەف(ھاجىلار ئەراپاتتا ۋۇقۇف قىلىدىغان جاي)غا كەلدى ۋە ئۇ يەردە قەسۋانى قۇرام تاشلار ئۈستىگە چۆكتۈردى پىيادىلىكلەر يولىنى ئالدىدا قالدۇرۇپ قىبلىگە قاراپ كۈن كىرىپ كەتكەنگە قەدەر ۋوقۇف قىلىپ تۇردى. كۈننىڭ شەكلى غايىپ بولۇپ سېرىقلىق ئازراق يوقىلىۋىدى، ئۇسامە ئىبنى زەيدنى كەينىگە مىندۈرۈپ ئەراپاتتىن قايتتى ۋە خېلى بىر چاغ بولغاندا مۇزدەلىفەگە يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە ناماز شام ۋە خۇپتەننى بىر ئازان بىر تەكبىر بىلەن ئادا قىلدى ۋە بۇ ئىككى ناماز ئارىلىقىدا ھېچ نېمە ئوقۇمىدى. ئاندىن يېىتپ قالدى ھەتتا تاڭ ئاتتى، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ بامدات نامىزىنى تاڭ روشەن سۈزۈلگەندىن كېيىن بىر ئەزان ۋە ئىككى تەكبىر بىلەن ئوقۇدى. ئاندىن يەنە تۆگىسىگە مىندى ۋە مەشئەرىلھەرام (جاي نامى)غا كېلىپ قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلدى، تەكبىر ئېيتتى، تەلبىيە ۋە تەھلىل ئېيتتى. رەسۇلۇللاھ مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ جاھان خېلى ئوبدان يورىدى.

ئاندىن كۈن چىقىشنىڭ ئالدىداراق مۇزدەلىەفەدىن مىناغا قاراپ يول ئالدى ۋە پەزلى ئىبنى ئابباسنى كەينىگە مىندۈرۈۋالدى ئۇ بەتنى مۇھەسسەر دېگەن جايغا كەلگەندە ئازراق تېز ماڭدى. ئاندىن جەمرە تولكۇ براغا چىقىدىغان ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر يولغا ئەگىپ ماڭدى ۋە ئۇ يەردىن ئۇدۇل چوڭ دەرەخ يېنىدىكى جەمرەگە يېتىپ باردى (ئۇ جەمرەتۇلكۇبرا بولۇپ شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ يېنىدا بىر تۈپ چوڭ دەرەخ بار ئىدى ئۇ جەمرەنى جەمرە ئەقەبە ۋە جەمرە ئۇۋلا «بىرىنچى جەمرە» دەپمۇ ئاتىلاتتى) رەسۇلۇللاھ بۇ جەمرەگە يەتتە دانە تاش ئاتتى، ئۇھەر بىر تاشنى ئاتقاندا تەكبىر ئېيتاتتى، تاشلار ساپال پارچىلىرىغا ئوخشاش بولۇپ ئۇنى بەتنى ۋادىدىن ئېلىۋالغان ئىدى. ئاندىن مەنھەر(قۇربانلىق قىلىدىغان جاي)گە قايتتى ۋە ئاتمىش ئۈچ تۆگىنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىدى ئاندىن پىچاقنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپقا بەرگەنىدى ئۇ يەنە قالغان (ئوتتۇز يەتتە تۆگە)نى بوغۇزلاپ يۈز قىلىۋەتتى ۋە ئۇنى (يەنى ئەلىنى) قۇربانلىقىغا شېرىك قىلدى، ئاندىن ھەر بىر تۆگىدىن ئازراقتىن گۆش ئەكېلىپ قازانغا سېلىپ پۇشۇرۇشقا بۇيرىدى. گۆش پىشىۋىدى ئىككەيلەن ئۇنىڭ گۆشىدىن يېدى ۋە شورپىلىرىدىن ئىچتى.

تاماقتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ تۆگىسىگە مىنىپ بەيتۇللاغا قاراپ يول ئالدى، ئۇ مەككىدە پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ ئابدۇلمۇتەللىپ جەمەتىنىڭ زەمزەم قۇدۇقىدىن سۇ تارتىپ ھاجىلارنى سۇغۇرۇۋاتقان يېرىگە باردى ۋە: «تارتىڭلار، ئابدۇلمۇتەللىپ ئوغۇللىرى! ئەگەر مەن باشقىلارنىڭ بۇسىقايەت (ھاجلارنى سۇغۇرۇش)نى سىلەرندىن تارتىۋېلىشىدىن قورقمىسام ئىدىم. مەنمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە سۇ تارتقان بولاتتىم»، دېدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھقا بىر چىلەك سۇ تارتىپ سۇنۇپ بەرگەن ئىدى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن ئىچتى.

نەھرى كۈنى (يەنى زۇلھەجنىڭ 10- كۈنى) قۇياش خېلى كۆتۈرۈلگەندە رەسۇلۇللاھ يەنە نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ بىر ئاق خېچىرغا مىنىۋالغانىدى، ئەلى پۈتۈن ئاۋازى بىلەن كۆپچىلىككە يەتكۈزۈپ تۇراتتى. ئادەملەرنىڭ بەزىسى ئولتۇرۇقلۇق، بەزىسى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇ نۇتىقىدا ئالدىنقى كۈنى سۆزلىگەن بەزى مەزمۇنلارنى قايتا تەكرارلىدى ئىمام مۇسلىم ۋە سەھىھۇل بۇخارىدا ئەبى بەكرەتەدىن نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: رەسۇلۇللاھ بىزگە نەھرى كۈنى نۇتۇق سۆزلەپ: «ئاللاھ ئاسمان زېمىننى ياراتقان كۈندىن تارتىپ زامان ئۆز پېتىچە دەۋر قىلماقتا، بىر يىل ئون ئىككى ئاي، ئۇنىڭدىن تۆت ئاي ھارام (يەنى ھۆرمىتىنى بۇزۇش ھارام) ئايلاردۇر. ئۈچ ئاي زۇلقەئىدە (11-ئاي)، زۇلھەججە (12ئاي) ۋە مۇھەررەم(1- ئاي) بىر-بىرنىڭ كەينىدىن كەلگۈچىدۇر، تۆتىنچىسى جۇمادىيەل (6- ئاي) بىلەن شەئبان (8- ئاي) ئوتتۇرىسىدىكى مۇزەرنىڭ رەجەپ (7-ئاي) ئېيىدۇر»، دېدى.

ئۇ يەنە: «بۇ قايسى ئاي؟ »دەپ سورىدى بىز: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدۇق، ئۇ سۈكۈتكە چۆمدى. بىز: «رەسۇلۇللاھ بۇ ئاينى باشقا بىر نام بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ»، دەپ ئويلىدۇق ئۇ: «زۇلھەج ئېيى ئەمەسمۇ؟» دېدى، بىز: «ئەلۋەتتە شۇنداق»، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ يەنە: «بۇ قايسى شەھەر؟» دەپ سورىدى، بىز: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدۇق رەسۇلۇللاھ سۈكۈتكە چۈمدى ھەتتا بىز رەسۇلۇللاھ بۇ شەھەرنى باشقىچە بىر نام بىلەن ئاتايدىغان چېغى» دەپ ئويلىدۇق ئۇ: «بۇ ئاشۇ مەككە شەھىرى ئەمەسمۇ؟» دېدى بىز: «ئەلۋەتتە شۇنداق» دېدۇق، رەسۇلۇللاھ: «بۇ قايسى كۈن؟» دەپ سورىدى، بىز: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدۇق. ئۇ يەنە سۈكۈت قىلىپ تۇردى، ھەتتا بىز رەسۇلۇللاھ بۇ كۈننى باشقىچە بىر نام بىلەن ئاتايدىغان بولدى» دەپ ئويلىدۇق. رەسۇلۇللاھ: «نەھرى (قۇربانلىق مالنى زەبھى قىلىدىغان) كۈن ئەمەسمۇ؟» دېدى، بىز: «ئەلۋەتتە شۇنداق» دېدۇق رەسۇلۇللاھ: «ئەمىسە سىلەرنىڭ قانلىرىڭلار (يەنى ئۆزئارا قان تۆكۈپ ئادەم ئۆلتۈرۈشۈڭلار) ماللىرىڭلار(ماللىرىڭلارنى ناھەق يەۋېلىش) ۋە ئىناۋەت-ئابرويىڭلار(يەنى تۆھمەت ۋە باشقا ناچار ئۇسۇللار ئارقىلق ئۆزئارا ئىناۋەت-ئابرۇيىڭلارنى تۆكۈش) سىلەرگە خۇددى سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنىڭلار، مۇشۇ ئاي مۇشۇ شەھەرلەردە ھارام بولغاندەك ھارامدۇر» دېدى.

«سىلەر پات يېقىندا پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولىسىلەر. ئۇ سىلەرنىڭ نامى-ئەمەللىرىڭلاردىن سورايدۇ، ئاگاھ بولۇڭلاركى مەندىن قالغاندا بىر-بىرىڭلارنى قىرىدىغان ئازغۇنلاردىن بولماڭلار.

(ئى خالايىق) ئاگاھ تۇرۇڭلار! مەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) يەتكۈزدۈممۇ؟» دېدى ئۇلار: «ھەئە» دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!، ھازىر بولغانلار يوقلارغا يەتكۈزسۇن! يەتكۈزۈلگەنلەرنىڭ بەزىسى ھازىر ئاڭلىغانلاردىن بەكرەك ئەستە تۇتىشى مۇمكىن»، دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ ئاشۇ قېتىمقى نۇتۇقىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئى خالايىق ئاگاھ بولۇڭلار، ھەر كىم ئۆز نەپسىگە جىنايەت قىلمىسۇن!، ئۆز پەرزەنىتلىرىگە جىنايەت قىلمىسۇن! پەرزەنىتلەر ئاتا-ئانىسىغا جىنايەت قىلمىسۇن! ھەممىڭلارغا ئايان بولسۇنكى شەيتان سىلەرنىڭ بۇ شەھىرىڭلاردا مەئبۇد بولۇشتىن ئەبەدى ئۈمىدىنى ئۈزدى لېكىن ئۇ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن بەزى بىر كىچىك ئىشلاردا سىلەرنى بويسۇندۇرماقچى ئۇ چۇقۇم شۇنىڭدىن مەمۇن بولىدۇ».

رەسۇلۇللاھ تەشرىق (زۇلھەجنىڭ 11-، 12-، 13- كۈنلىرى) كۈنلىرى مىنادا تۇرۇپ ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلدى. شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تەلىم بەردى، ئاللاھقا زىكرى ئېيتتى، ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالامدىن قالغان ھىدايەت بەلگە(يول)لىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شېرىكنىڭ تەسىرى ۋە ئۇنىڭ نامى نىشانلىرىنى ئۆچۈردى.

ئۇ يەنە تەشرىق كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنىدە مىنادا نۇتۇق سۆزلىدى، ئىمام ئەبۇ داۋۇت سىرائ بىنتى نەبھان (ئايال)دىن نەقىل كەلتۈرگەن بىر ھەدىستە: «بىزگە رەسۇلۇللاھ زىروئۇس (يەنى ئادەملەر مىناغا توپلانغان) كۈنى سۆز قىلىپ: «بۇ تەشرىق (گۆش پارچىلاش) كۈنىنىڭ ئوتتۇرى ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئۇنىڭ شۇ كۈنىدىكى نۇتىقىنىڭ مەزمۇنى نەھرى كۈنىدىكى نۇتقىغا ئوخشاش ئىدى. ئۇ بۇ نۇتۇقنى سۈرە نەسرى نازىل بولۇپ بولغاندىن كېيىن سۆزلىگەن دېيىلگەن.

نەۋەرنىڭ (يەنى ھەرەمگە كىرىپ تاۋاپ قىلىپ قايتىپ چىقىش كۈنىنىڭ) ئىككىنچى كۈنى(يەنى زۇلھەججنىڭ (12-ئاي) نىڭ 13- كۈنى) رەسۇلۇللاھ مىنادىن قايتىپ كېلىپ مەككە ۋادىسىغا «بەنى كەنانە مەنزىلى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايغا چۈشتى، ئۇ بۇ كۈننى ۋە بۇ كۈننىڭ كېچىسىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى. بۇ يەرە پىشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن نامازلىرىنى ئوقۇى. خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن بىر دەم ئۇخلىدى، ئاندىن بەيتۇللاھقا كىرىپ ئۇنىڭدا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى گوا ۋىدالاشقۇچىدەك تاۋاپ قىلدى.

رەسۇلۇللاھ ھەج پائالىيەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپلا، مەدىنە مۇنەۋۋەرگە قايتىشقا ئالدىرىدى. ئۇ راھەت ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خۇدا يولىدىكى جاپالىق كۈرەشلەرنى قايتىدىن باشلاش ۋە جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىدى.

ئەڭ ئاخىرىقى قوشۇن

رۇم دائىرلىرىنىڭ مۇغەمبەر-چوڭچىلىقى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنىدىكى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغىمۇ چىدىغۇسى كەلمەيدىغاندەك بولۇپ قىلىشقانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېقىنغان ئەرەبلەردىن مۇسۇلمان بولغانلارنى ئۆلتۈرۈشتى. رۇم تەرەپتىن مەئان (شامدا بىر جاينىڭ نامى)غا ۋالى بولغان پەرۋە ئىبنى ئەمرى جۇزامىينىڭ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلۈشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىدى.

رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ بۇ خىل مۇغەمبەرلىكىنى ۋە چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ھىجىرىيىنىڭ 11- يىلى سەپەر(2-ئاي)دا بىر قوشۇن تەشىكىللەشكە كىرىشتى ۋە بۇ قوشۇنغا ئۇسامە ئىبنى زەيدنى ئەمىر لەشكەر قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇنى بۇ قوشۇن بىلەن پەلەستىننىڭ بەلقائ ۋە دارۇم چېگرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت رۇم تەرەپنىڭ خورىكىنى جىمىقتۇرۇپ قۇيۇش بىلەن بىرگە چېگرا بويېدىكى ئەرەبلەرنىڭ قەلبىگە ئىسلامغا قارىتا ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدى. شۇنداق قىلغاندا كىشىلەر: «چېركاۋ ھۆكۈمرانلىقى زاۋال تاپمايدۇ ئىسلام دىنىغا كىرىش ئۆز جېنىغا ئۆزى زامىن بولغانلىق»، دەپ ئويلاپ قالمايتتى.

بەزىلەر بۇ قوشۇننىڭ قۇماندانى ھەققىدە: «يېشى كىچىك تەجىرىبىسىز» دەپ گەپ تاپتى ۋە ئۇنى يولغا سېلىشنى كىچىكتۈردى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ : «ئۇنىڭ(يەنى ئوسامەنىڭ) قوماندان بولۇشىغا تەئنە (شەنىگە داغ يىتىدىغان گەپ سۆز) قىلىشقان بولساڭلار، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قوماندان بولىشىغىمۇ شۇنداق قىلىشقان ئىدىڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇ چوقۇم ئەمىرلىك (ئەمىر-قۇماندان بولۇش) كە لايىقتۇر. ئۇنىڭ ئاتىسى (يەنى زەيىد ئىبنى ھارس) ئادەملەر ئىچىدە ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك ئىدى. بۇ (يەنى ئۇسامە ئىبنى زەيد)مۇ ئۇنىڭدىن قالسا ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىدۇر»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇسامە ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ ئۇنىڭ قوشۇنىغا تىزىلدى ۋە مەدىنىدىن بىر پەرسەخ (6.24 كىلومېتېرغا تەڭ) يىراقلىقتىكى جەريىف دېگەن جايغا چىقىپ پەرمان كۈتۈپ تۇردى. بىراق، رەسۇلۇللاھنىڭ كېسىلى ھەققىدىكى قورقۇنۇشلۇق خەۋەر ئۇلارنى كېسەل بىر تەرەپ بولغۇچە تەخىر قىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. بەلكىم ئاللاھ بۇ قوشۇننى ئەبۇبەكرىنىڭ خىلاپىتىدە يولغا سېلىنىدىغان تۇنجى قوشۇن بولۇشىنى ئىرادە قىلغان چېغى ئىدى.

ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر

ۋىدالىشىش بىشارەتلىرى

بۆلۈم: “ۋىدالىشىش بىشارەتلىرى”

دەۋەت ئىشلىرى تاكامۇللىشىپ، ۋەزىيەتنى ئىسلام ھۆكۈمرانلىقى تولۇق ئىگەللىۋىدى، بۇ دۇنيادىن خوشلىشىش بىشارەتلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ چىھرىدىن غىلپال كۆرۈنۈشكە باشلىدى ۋە ئۇنىڭ ئىش ھەرىكەت ۋە سۆز-ئىبارىلىرىدە ئاشكارا ئىپادىلەندى.

ئۇ ئالدىنقى يىلى(ھىجىرىينىڭ 10- يىلى) رامىزان(9- ئاي)دا 20 كۈن ئىتىكاپتا ئولتۇردى. ئەمما ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردا پەقەت ئون كۈنلا ئىتىكاپ قىلاتتى، بۇ قېتىمقى ئېتىكاپتا جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغا قۇرئاننى ئىككى قېتىم دەرس مۇزاكىرە قىلىپ بەردى (بۇنىڭ ئالدىدا ئۇ ھەر يىلى رامىزاندا پەقەت بىرلا قېتىم مۇزاكىرە قىلىپ بىرەتتى). ئۇ ھەججەتۇلۋىدادا مۇسۇلمانلارغا سۆز قىلغاندا: «مەن بىلمەيمەن، ئىېھتىمال مەن بۇ يىلدىن كېيىن سىلەر بىلەن بۇ يەردە، يۈز كۆرۈشەلمەسلىكىم مۇمكىن» دېدى. يەنە جەمرى ئەقەبە(مىنادا شەيتانغا تاش ئاتىدىغان جاي)دا: «ئى خالايىق! مەندىن ھەج ئىبادىتىڭلارنى ئۆگىنىۋېلىڭلار، ئىھتىمال مەن بۇ يىلدىن كېيىن ھەج قىلالماسلىقىم مۇمكىن» دېدى. تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رەسۇلۇللاھقا سۈرە نەسرى نازىل قىلىنغانىدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ۋىدالىشىش (بۇ جاھاندىن خوشلىش) ھەججى ئىكەنلىكى ۋە رەسۇلۇللاھقا ئۆلۈم خەۋىرى يەتكۈزۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ھىجىرىيىنىڭ 11- يىلى سەپەر ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ ئۇھۇد تېغىغا چىقتى ۋە ئۇ يەردە ئۆلۈك ۋە تىرىك، ھەممىسى بىلەن خوشلىشىدىغاندەك شەھىدلەرگە دۇئا قىلدى. ئاندىن قايتىپ كىرىپ مۇنبەردە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەردىن بۇرۇنراق كېتىدىغاندەك تۇرىمەن، مەن سىلەرگە گۇۋاھچى بولىمەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن شۇ تاپتا ھەۋزى كەۋسەر نى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن ماڭا يەر-زېمىن خەزىنەلىرىنىڭ (ياكى زېمىننىڭ دىدىمۇ) ئاچقۇچلىرى ئاتا قىلىندى. ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن سىلەرنىڭ مەندىن كېيىن مۇشرىك بولۇپ ئېغىپ كېتىشىڭلاردىن قورقمايمەن، بىراق مەن سىلەرنىڭ مال-دۇنيا، بايلىقلارغا بېرىلىپ كېتىشىڭلاردىن قورقىمەن».

يەنە بىر كۈنى كېچىدە (تۈن نىسپىي بولغاندا) رەسۇلۇللاھ بەقىئە گە چىقىپ ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىدى ۋە: «ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ئى مەقبەرە ئەھلى! سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار ھاياتلارنىڭكدىن كۆپ ياخشى. پىتنە-پاساد تۈن قاراڭغۇسىدەك بېسىپ كەلدى. بۇ پىتنە-پاسادلار بىر-بىرىدىن ياماندۇر» دېدى. ئاندىن ئۇلارغا بىشارەت بەرگەندەك: « انا اللھ انا بكم لاچقون» بىزمۇ چوقۇم سىلەرگە قوشۇلىمىز» دېدى.

رەسۇلۇللاھقا كېسەل تەگدى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھقا كېسەل تەگدى”

ھىجىرىيىنىڭ 11-يىلى سەپەر(2- ئاي) ئېيىنىڭ 29- كۈنى(دۇشەنبە) رەسۇلۇللاھ بەقىئ قەبرىستانلىقىدا بىر مېيىت نامىزىغا ھازىرلىق قىلغان ئىدى. مەقبەرەدىن قايتىۋېتىپ يولدا رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىغا ئاغرىق تەگدى ۋە ئۇشتۇمتۇت بەدىنىنىڭ ھارارىتى ئۆرلەپ، ھەتتا ئۇنىڭ قىزىتما دەپتىنى ئۇنىڭ بېشى تېڭىلغان تېڭىقى ئۈستىدىنمۇ ببىلىنىدىغان بولۇپ قالدى.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا كېسەل تېگىپ 11كۈن جامائەت بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدى، ئۇنىڭ كېسەل تارتقان جىمى كۈنلىرى 13ياكى 14 كۈن ئىدى.

ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتە

رەسۇلۇللاھنىڭ كېسىلى كۈنسىرى ئېغىرلاشتى، ئۇ ھەر كۈنى ئاياللىرىدىن: «ئەتە (تەڭلە كۈنى-ت) مەن نەدە؟ ئەتە مەن نەدە؟» دەپ سورايتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭ خالىغان يەردە بېقىنىشقا رۇخسەت قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن پەزلى ئىبنى ئابباس ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا بېشى تېڭىقلىق ھالدايۆلەپ ماڭغۇزۇلۇپ ئائىشىنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ كېلىندى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى قەدىمى يەرنى جىجىپ ماڭاتتى، نەتىجىدە رەسۇلۇللاھ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر ھەپتىسىنى ئائىشەنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزدى.

ئائىشە رەسۇلۇللاھتىن يادلىۋالغان موئەۋۋىزات (پاناھ تىلەش مەزمۇنىدىكى ئايەتلەر) ۋە خاسىيەتلىك دۇئالارنى ئوقۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ بەدىنىگە ھۈرۈپ قوياتتى ۋە ئايەتلەردىن تەبەرۇك ئىزدەپ رەسۇلۇللاھنى سىلاپ تۇتۇپ قوياتتى.

بەش كۈن ئىلگىرى

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن بەش كۈن ئىلگىرى چارشەنبە كۈنى ئىدى.ئۇنىڭ بەدىنىدىكى كېسەل ھارارىتى يالقۇنجاپ كەتتى. ئاغرىق كۈچىيىپ رەسۇلۇللاھ ھۇشسىزلاندى. ئۇ: «باشقا-باشقا قۇدۇقتىن يەتتە تۇلۇم سۇ كەلتۈرۈپ ئۈستى بېشىمغا قۇيۇڭلار، مەن ئۇلار قېشىغا چىقىپ ۋەسىيەت قىلىۋالاي» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسۇلۇللاھنى چوڭ بىر تەڭلە قاچىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئۈستىگە سۇ قۇيدى، ھەتتا بىر چاغدا: «بولدى، بولدى» دەپ ھۇشىغا كەلدى.

بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۆزىنى بىر ئاز يېنىكلىگەندەك ھېس قىلدى ئۇ (بېشى تېڭىقلىق ھالدا) مەسجىدكە كىرىپ مۇنبەرگە چىقىپ ئولتۇردى ۋە ئادەملەرگە سۆز قىلدى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورىۋېلىشقانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ لەنىتى يەھۇدىيلارغا ۋە ناسارا(خىرىستئان)لارغا بولسۇن ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسجىد(ئىبادەتخانا قىبلىگاھ) قىلىۋېلىشتى» يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى ھالاك قىلسۇن، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ مەقبەرىسىنى مەسجىد(سەجىدىگاھ) قىلىۋېلىشتى» دېدى، ئۇ يەنە: «مېنىڭ قەبرەمنى مەئبۇد قىلىۋالماڭلار» دېدى. رەسۇلۇللاھ يەنە ئۆزىنى قىساس(ئىنتىقام ۋە ئەنتىنى ئېلىۋېلىش)قا تەڭلەپ: «مەن بىر كىشنىڭ ئۇچىسىغا ئۇرۇپ سالغان بولسام مانا بۇ مېنىڭ ئۇچام، مەندىن ئىنتىقامىنى ئېلىۋالسۇن ۋە كىمنىكى تىللاپ ئابرويىنى توككەن بولسام مانا مېنى تىللاپ ئەنتىنى ئېلىۋالسۇن» دېدى. ئاندىن مۇنبەردىن چۈشۈپ پىشىن نامىزىنى ئوقىدى، پىشىن نامىزىدىن كېيىن مۇنبەرگە يەنە چىقىپ ھېلىقى ئۆچ- ئاداۋەت ۋە ئەنتى قىساس ھەققىدىكى گەپلىرىنى قايتا تەكرارلىدى. بۇ چاغدا بىر ئادەم: «ئۆزلىرىدە مېنىڭ ئۈچ دەرھەم پۇلۇم بار ئىدى» دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئى فەزلى ئۇنىڭ پۇلىنى بېرىۋەت» دەپ بۇيرىدى. ئاندىن ئەنسارلارغا ياخشىلىق قىلىش توغىرىلىق ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ئەنسارلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ ئۆز باغرىم ۋە سىرداشلىرىمدۇر، ئۇلار زىممىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ بولدى، ئەمدى ئۇلارغا قايتۇرۇشقا تىگىشلىك ھەقلىرى قېپقالدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى قوللاڭلار، كەمچىلىك ۋە خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىڭلار». يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر بارغانسىرى كۆپىيىدۇ، ئەنسارلار ئازلاپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۇلار ئاشنىڭ تۇزىدەك قالىدۇ، ھەر كىم سىلەردىن بىر كىشىگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلىگۈدەك ئەمەل تۇتسا ئۇ چوقۇم ئەنسارلارنىڭ ياخشىلىقىنى قوبۇل قىلسۇن، كەمچىلىك ۋە خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلسۇن» دېدى.

ئاندىن ئۇ: «ئاللاھ بىر بەندىسىگە بۇ دۇنيادا قېلىش ياكى ئۇ دۇنياغا كېتىشنىڭ بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقىنى بەرگەن ئىدى، ئۇ بەندە ئۇ دۇنياغا كېتىشنى ئىختىيار قىلدى» دېدى. ئەبۇ سەئىد خۇدرى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئەبۇ بەكرى يىغلاپ كەتتى ۋە ئاتا-ئانىمىز ساڭا پىدا بولسۇن» دېدى، بىز ھەيران بولدۇق، بەزىلەر: «قاراڭلار بۇ شەيخ(موتىۋەر)گە رەسۇلۇللاھ بۇ دۇنيادا قېلىش ياكى ئۇ دۇنياغا كېتىش ئىختىيارلىقىدا قويۇلغان بىر بەندە ھەققىدە خەۋەر بېرىۋاتسا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىمىز ساڭا پىدا بولسۇن دەۋاتقىنىنى» دېيىشتى. ئەسلىدە ئىختىياردا قويۇلغۇچى رەسۇلۇللاھ ئىدى. ئەبۇبەكرى بۇنى ھەممىمىزدىن بۇرۇن چۈشەنگەنىكەن. رەسۇلۇللاھ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئەبۇبەكرىنىڭ سۆھبىتىگە ئوخشاش ھېچبىر سۆھبەت كۆرمىدىم. مەن ئۇنىڭدىن رازى، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمدىن ئۆزگە سىرداش دوس تۇتىدىغان بولسام ئەلۋەتتە ئەبۇ بەكرىنى سىرداش تۇتاتتىم. لېكىن ئىسلام قېرىنداشلىقى ۋە ئىسلامى دوسلۇق كۇپايە قىلىدۇ. مەسجىدگە ئېچىلغان ئىشىكلەردىن ئەبۇبەكرىنىڭ ئىشىكىدىن باشقىسى قويماي تاقىۋېتىلسۇن.

تۆت كۈن ئىلگىرى

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن تۆت كۈن ئىلگىرى، يەنى پەيشەنبە ئۇنىڭ كېسىلى قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ: «ماڭا قەغەز-قەلەم كەلتۈرۈڭلار، مەن سىلەرگە ۋەسىيەت قالدۇراي، ئېزىپ كەتمەيسىلەر»، دېدى. ئۆيدە ئۆمەر قاتارلىق بىر قانچە كىشى بار ئىدى. ئۆمەر: «رەسۇلۇللاھقا ئاغرىق دەردىنى تارتقىلى قويايلى، قولىمىزدا قۇرئان بار، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋەسىيەتكە كۇپايە»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەر تالاش-تارتىش قىلىشتى ۋە جاڭجاللىشىپ كەتتى. بەزىلىرى: «رەسۇلۇللاھ دېگەن ئىكەن، قەغەز-قەلەم كەلتۈرەيلى، يېزىپ بەرسۇن»، دەيتتى. يەنە بەزىلىرى ئۆمەرنىڭ پىكىرىنى قوللايتى، ھەتتا بىھۇدە گەپ ۋە نامۇۋاپىق پىكىرلەر ئېشىپ كېتىۋىدى، رەسۇلۇللاھ يېنىمدىن چىقىپ تۇرۇڭلار»، دېدى.

شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ مۇنداق ئۈچ خىل تەۋسىينى جىكىلىدى: «ئەرەب ئارىلىدىن يەھۇدىيلارنى، ناسارا(خىرىستىئان)لارنى ۋە مۇشرىكلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا تەۋسىيە قىلدى. ئەلچىلەرنى رەسۇلۇللاھ كۈتۈۋالغاندەك رەۋىشتە كۈتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۈچىنچى ۋەسىيەتنى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى ئۇنتۇپ قالغان، ئېھتىمال ئۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ۋە سۈننەت (يەنى ھەدىس)كە چىڭ ئېسىلىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە ياكى ئۇسامە ئىبنى زەيد قوشۇنىنى يولغا سېلىش تەۋسىيىسى ياكى: «نامازنى قولدىن بەرمەڭلار» دېگەن تەۋسىيەسى بولۇشى مۇمكىن.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قاتتىق دەرد-ئەلەم تارتىۋاتقان بولسىمۇ، نامازلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە مەسجىدتە ئوقۇپ كەلگەنىدى. ھەتتا، شۇ كۈنى (يەنى ۋاپاتىدىن تۆت كۈن ئىلگىرىكى پەيشەنبە كۈنى)مۇ ناماز شامنى مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ئوقۇپ مۇرسەلات سۈرىسىنى قىرائەت قىلغان ئىدى، خۇپتەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ كېسىلى مەسجىدكە چىقالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۆزگىرىۋالدى. ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ: «ئۇلار ناماز ئوقۇپ بولدىمۇ؟» دەپ سورىدى، بىز: «ياق، ئۇلار ئۆزلىرىگە ساقلاۋاتىدۇ»، دېگەنىدۇق. رەسۇلۇللاھ: «ماڭا تەشتەك (چوڭ تىپتىكى قاچا)تە سۇ قۇيۇپ بىرىڭلار»، دېدى. بىز ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدۇق. رەسۇلۇللاھ ھېلىقى قاچىدا غۇسلى قىلدى، ئاندىن قوپماقچى بولىۋىدى، ھۇسسىزلىنىپ يىقىلدى ۋە بىر ئازدىن كېيىن يەنە ھۇشىغا كېلىپ: ئۇلار «ناماز ئوقۇپ بولدىمۇ؟» دېدى. بۇنداق ئەھۋال (يەنى ھۇشىدىن كېتىش ۋە ھۇشىغا كېلىپ كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇپ بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سوراش) ئىككى، ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى. ئاخىرى ئۇ ناماز باشلاپ ئوقۇپ بېرىشكە ئەبۇ بەكرىگە ئادەم ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرى شۇ كۈنلەردە 17 ۋاق نامازنى ئىمام بولۇپ ئوقۇدى. ئائىشە كىشىلەرنىڭ شۇملۇق ۋە نەسلىكنى ئەبۇبەكرىدىن كۆرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىمامەتچىلىك قىلماسلىقىنى ئۈچ-تۆت قېتىم ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىمىدى ۋە: «سىلەر يۈسۈف (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ ۋەقەسىدىكى ئاياللاردەك ئىكەنسىلەر، ئەبۇ بەكرىگە ئېيتىڭلار، ئۇ مۇسۇلمانلارغا ناماز باشلاپ ئوقۇپ بەرسۇن»، دېدى.

بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن ئىلگىرى

شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنى ئىدى، رەسۇلۇللاھ بىر ئاز يىنىكلىگەندەك بولدى چېغى، ئىككەيلەننىڭ يۆلىشى بىلەن پىشىن نامىزىغا چىقتى. بۇ چاغدا ئەبۇ بەكرى كىشىلەر بىلەن ناماز ئوقۇۋاتاتتى. ئەبۇ بەكرى رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپ كەينىدىكى سەپكە قايتماقچى بولىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ يانماسلىققا بۇيرىدى ۋە: «مېنى ئۇنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇڭلار»، دېدى. ھېلىقى ئىككەيلەن رەسۇلۇللاھنى ئەبۇ بەكرىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزدى، شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكرى رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىغا ئىقتىدا قىلدى ۋە كىشىلەرگە تەكبىرنى ئاڭلاتتى.

بىر كۈن ئىلگىرى

ۋاپاتىدىن بىر كۈن ئىلگىرى يەكشەنبە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بارلىق قۇل-چۆرىلىرىنى ئازات قىلىۋەتتى، يېنىدىكى يەتتە دىنار پۇلنى سەدىقە بەردى ۋە قۇرال-ياراغ ئەسلىھەلىرىنى مۇسۇلمانلارغا ھەدىيە قىلىۋەتتى. ۋەھالەنكى، ئائىشە شۇ كېچىسىدىكى چىراغ يېغىنى قوشنىسىدىن ئۆتنە ئېلىپ ياندۇرغانىدى ۋە يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ ساۋۇتى (تۆمۈر كىيىم) ئوتتۇز سائ (بىر سائ 61 كېلو 200 گىرامغا تەڭ) ئارپا ئۈچۈن بىر يەھۇدىينىڭ ئۆيىدە رەنىگە قويۇغلۇق ئىدى.

ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن

ئەنەس ئىبنى مالىك مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «دۈشەنبە كۈنى سەھەر مۇسۇلمانلار بامدات نامىزىدا ئىدى، ئەبۇبەكرى ناماز باشلاپ ئوقۇۋاتاتتى، ئۇشتۇمتۇت رەسۇلۇللاھ ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ ھۇجىرا ئىشىكىنىڭ پەردىسىنى ئېچىپ ئۇلارغا قاراپ تەبەسسۇم قىلدى. ئەبۇ بەكرى رەسۇلۇللاھنى نامازغا چىقتى دەپ ئويلاپ ئارقىسىدىكى سەپكە چىكىندى. مۇسۇلمانلار نامازدا تۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن پاتپاراق بولۇش ئالدىدا تۇرغاندا رەسۇلۇللاھ قولى بىلەن ئۇلارغا نامازنى ئوقۇۋېرىشكە ئىشارەت قىلىپ قويۇپ، ھۇجىرىسىغا كىرىپ (پەردە)نى قويىۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگىچە بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈگە خوشلاشتى.

شۇ كۈنى قۇياش كۆتۈرۈلۇپ چاشگاھ ۋاقتى بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام قىزى پاتىمەنى چاقىرتىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا گەپ قىلدى، پاتىمە يىغلاپ كەتتى، ئاندىن يەنە بىر نېمىلەرنى دېۋىدى، پاتىمە كۈلدى. ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: بىز پاتىمەدىن(يەنى كېيىن) شۇ ئىشنى سورىدۇق، ئۇ: رەسۇلۇللاھ ماڭا: «مۇشۇ قېتىمقى كېسىلىدە ۋاپات بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن يىغلىدىم ئارقىدىن ماڭا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن تۇنجى بولۇپ مېنىڭ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتى، شۇڭا مەن كۈلگەنىدىم»، دېدى، شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ پاتىمىگە ئۇنىڭ جىمى ئاياللارنىڭ سەرۋىرى (ئۇلۇغ پىشىۋاسى) بولىدىغانلىقىنى بېشارەت بەردى.

پاتىمە رەسۇلۇللاھنىڭ دەرد-ئەلىمىنى كۆرۈپ: «ۋاي دادامنىڭ دەردى» دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «دادىڭىزغا بۈگۈندىن كېيىن دەرد-ئەلەم بولمايدۇ»، دېدى. ھەسەن بىلەن ھۇسەيىننى چاقىرتىپ ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى ۋە ياخشىلىققا ۋەسىيەت قىلدى. ئاندىن ئەھلىلىرىنى چاقىرتىپ ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى ۋە ئەسلەتمە بەردى.

دەرد-ئەلەم بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى خەيبەردە يەپ سالغان ھېلىقى زەھەرنىڭ تەسىرى ئېنىق ئاشكارا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ھەتتا رەسۇلۇللاھ: «ئى ئائىشە مەن ئەينى چاغدا خەيبەردە يەپ سالغان زەھەرلەنگەن گۆشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمەن مانا ھازىر چوڭ كۆك قان تۆمۇرۇم ئۈزۈلگەنمىكى دەيمەن» دېدى. ئۇ كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ: «نامازنى قولدىن بەرمەڭلار، نامازنى قولدىن بەرمەڭلار» دىدى. بۇ گەپنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدى.

سەكرات

جان تەلىپىزى باشلاندى ئائىشە رەسۇلۇللاھنى ئۆزىگە يۆلەپ ئولتۇرغۇزدى ئائىشە مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نىئمەتلىرىدىن بىرى شۇكى رەسۇلۇللاھ مېنىڭ ئۆيۈمدە مېنىڭ كونۇمدە مېنىڭ يۈرۈكۈم بىلەن كۆكرىكىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا جان ئۈزدى ۋە يەنە رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇش ئالدىدا، ئاللاھ مېنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۈكرۈك (ئېغىز-ت) سۈيىمىزنى بىرلەشتۈردى. ئابدۇرەھمان(ئەبۇ بەكرىنىڭ ئوغلى) ئۆيگە كىرىپ كەلدى ئۇنىڭ قولىدا مىسۋاك بار ئىدى. مەن رەسۇلۇللاھنى يۆلەپ ئولتۇرۋاتاتتىم رەسۇلۇللاھنىڭ ھېلىقى مىسۋاكقا كۆز-يۈگۈرتۈۋاتقانلىقىنى سەزدىم-دە ئۇنىڭ مىسۋاك قىلىشنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى بىلگەچكە: «ئۇنى سىزگە ئېلىپ بىرەيمۇ؟» دېدىم رەسۇلۇللاھ: «ھەئە»، دەپ بېشىنى لىڭشىتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ مىسۋاكنى ئابدۇراھماندىن ئېلىپ بەردىم، مىسۋاك قاتتىق كېلىپ قالدى، مەن: «ئۇنى چايناپ يۇمشىتىپ بىرەيمۇ؟» دېدىم رەسۇلۇللاھ بېشى بىلەن ماقۇل دەپ ئىشارەت قىلدى مەن ئۇنى چايناپ يۇمشىتىپ بەردىم رەسۇلۇللاھ مىسۋاكنى قولىغا ئېلىپ ئېغىزىغا سۈركىدى (يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ مىسۋاك بىلەن ساق ۋاقىتدىكىدىنمۇ ياخشىراق مىسۋاك قىلدى دېيىلگەن). رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا بىر قاچىدا سۇ بار ئىدى، قولىنى سۇغا چىلاپ يۈزىنى سىلايتتى ۋە «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ھەقىقەتەنمۇ ئۆلۈمنىڭ سەكراتى (ئاچچىقى) بار» دەيتتى.

رەسۇلۇللاھ مىسۋاكتىن پارىغ بولماي تۇرۇپلا قولىنى (ياكى بارمىقىنى دېدىمۇ) كۆتۈرۈپ قالدى، كۆزى ئاسمان تەرەپكە چەكچىيىپ كەتتى ۋە لەۋلىرى مىدىرلاپ بىر نىمىلەرنى دەيتتى ئائىشە قۇلىقىنى يېقىن ئەكىلىپ تىڭشىغان ئىدى رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ، سەن ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەر، سىددىق (راسچىل)لەر، شېھىدلەر ۋە سالىھ (ياخشى)لار بىلەن بىللە قىلغىن ۋە دەرگاھى ھەقكە ئېلىپ كەتكىن، ئى ئاللاھ مېنى دەرگاھى ھەقكە ئېلىپ كەتكىن»، («قۇرئان كەرىم سۈرە ئايەت)، دېدى ۋە ئاخىرىقى ئىككى كەلىمە سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى ۋە قولى بوشاپ لىككىدەك چۈشۈپ كەتتى ﴿إِنَّا لِلّھِ وَإِنَّـا إِلَيْھِ رَاجِىونَ﴾ «بىز ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز» بۇ ۋەقە ھىجىرىيىنىڭ 11- يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل(3-ئاي)نىڭ 12- كۈنى دۈشەنبە چاشگاھ ۋاقتى بولغاندا يۈز بەردى بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئاتمىش ئۈچ ياشقا كىرىپ ئون كۈن ئاشقان ئىدى.

ساھابىلەرنى غەم باستى

بۇ قورقۇنۇچلۇق خەۋەر تېزلا تارقالدى. مەدىنە ئەھلىگە ئەتراپى ئالەم قاراڭغۇلۇق تۇيۇلدى. جاھان غۇۋا دەك كۆرۈنەتتى. ئەنەس: «رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قەدم تەشرىپ قىلغان كۈندىن ئوچۇق يورۇقلۇق ۋە شاد خۇراملىق كۈننى كۆرمىگەنىدىم، يەنە رەسۇلۇللاھ ئۆلۈپ كەتكەن كۈندىنمۇ قاراڭغۇلۇق قاباھەتلىك كۈننى كۆرمىدىم» دېگەن.

رەسۇلۇللاھ جان ئۈزۈۋىدى پاتىمە: «ۋاي ئاتا! چاقىرغان رەببىگە لەببەي دېگەن ئاتا، ۋاي ئاتا جەننەتۇلفىردەۋىستىن جايىڭ بولسۇن ئاتا، ئى ئاتا! جىبرىئىلگە «ئۆلۈپ كەتتى» دەيلى ئاتا! دەپ يىغلىدى.

ئۆمەرنىڭ مەيدانى

ئۆمەر مۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈردى (ئەسلىدە بۇ شۇم خەۋەر ئۇنىڭ ئەس-ھۇشىنى يوقاتقانىدى): «مۇناپىقلارنىڭ بەزىسى رەسۇلۇللاھ ۋاپات تاپتى دىيىشىۋاتىدۇ. جەزىم قىلىمەنكى، رەسۇلۇللاھ ۋاپات تاپمىدى، لېكىن ئۇ مۇسا ئىبنى ئىمران (ئەلەيـھىسسالام) پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىتىپ قىرىق كۈن غايىپ بولۇپ، مۇسا ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ گەپ تارقالغاندىن كېيىن يەنە پەيدا بولۇپ كەلگىنىگە ئوخشاش، رەسۇلۇللاھمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەنە قايتىپ كېلىپ ئۇنى ئۆلدى، دېيىشىپ يۈرگەن ئاشۇ بىر ئۇچۇملارنىڭ پۇت-قوللىرىنى چوپقۇم كېسىپ تاشلايدۇ».

ئەبۇ بەكرىنىڭ قەتئى مەيدانى

ئەبۇ بەكرى سۇنھى دېگەن مەھەللىدىكى تۇرالغۇسىدىن ئات بىلەن يىتىپ كەلدى. ئۇ ئاتتىن چۈشۈپلا مەسجىدكە كىردى ۋە ھېچ كىشىگە گەپمۇ قىلماي ئائىشىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇدۇل رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا باردى. رەسۇلۇللاھقا يوللۇق رەخىت يېپىپ ياتقۇزۇپ قويۇلغان ئىدى. ئەبۇ بەكرى رەخىتىنى ئۆرۈپ رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزىنى ئاچتى ۋە ئىڭىشىپ ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيدى ۋە كۆز يېشى قىلدى. ئاندىن مۇنداق دېدى: «ساڭا ئاتا-ئانام پىدا بولسۇن، ئاللاھ ساڭا ئىككى قېتىم ئۆلۈم بەرمىسۇن. ساڭا يېزىلغان ئۆلۈم مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگەپ كەتسۇن».

ئاندىن مەسجىدكە چىقتى ئۆمەر يەنىلا كىشىلەرگە سۆز قىلىۋاتاتتى، ئەبۇ بەكرى : «ئولتۇرغىن ئۆمەر!» دېدى ئۆمەر ئولتۇرغىلى ئۇنىمىدى. كىشىلەر ئۇنى تاشلاپ ئەبۇ بەكرىنىڭ ئەتراپىغا ئۇلاشتى، ئەبۇ بەكرى مۇنداق دېدى: «ئەمما بەئدۇ (ئاللاغا ھەمدۇسانا رەسۇلۇللاھقا سالام يوللىغاندىن كېيىن) ئاراڭلاردىن كىمكى مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام)كە ئىبادەت قىلىدىغان بولسا ئەمدى ئۇ ئۆلدى، كىمكى ئاللاغا ئىبادەت قىلسا چوقۇم ئاللاھ تىرىكتۇر ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ: « وَمَا مُچَمَّدٌ إِلاَّ رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِھِ الرُّسُلُ ۆَفَإِن مَّاتَ ۆَوْ قُتِلَ انقَلَبْتُمْ ىَلَۈ ۆَىْقَابِكُمْ وَمَن يَنقَلِبْ ىَلَۈَ ىَقِبَيْھِ فَلَن يَگُرَّ اللّھَ شَيْېًا وَسَيَجْزِي اللّھُ الشَّاكِرِينَ » تەرجىمىسى: «مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ ئاللاغا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللا شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ» (سۈرە ئال ئىمران 144- ئايەت) دېگەن، دېدى. ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ: «قەسەم قىلالايمەنكى گويا كىشىلەر ئاللاھنىڭ بۇ ئايەتنى نازىل قىلغىنىنى بۇرۇن بىلمەيدىغاندەك بۈگۈن ئەبۇبەكرى تۇساتتىن ئۇنى تىلاۋەت قىلىۋاتقاندەك، ھەممسى ئۇنى ئېغىزىغا ئېلىپ تەكرارلىشاتتى، مەن ھەممە كىشىنىڭ شۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم».

ئىبنى مۇسەييەبنىڭ دىيىشىچە ئۆمەر مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەم مەن ئەبۇ بەكرىنىڭ ھېلىقى ئايەتنى تىلاۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ بوشىشىپ كەتتىم، پۇت-قوللىرىم دىر-دىر تىترەيتتى مەن ئۇنى ئاڭلاۋېتىپ يەرگە يېقىلدىم ۋە شۇئان رەسۇلۇللاھ چوقۇم ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ بىلدىم.

مۇبارەك جەسەت بىلەن خوشلىشىش ۋە ئۇنى يەرلىكىدە قويۇش

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ مۇبارەك جەسىتىنى كىپەنلەپ يەرلىكىدە قويۇش ئىشىنى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن خىلاپەت (خەلىفە بەلگىلەش) مەسىلىسىدە ئىختىلاپ كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بەنى سائىدە ھويلىسىدا ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلار ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرلەر بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ھەممەيلەن ئەبۇ بەكرىنىڭ خەلىپە بولۇشىغا بىرلىككە كېلىشتى. دۈشەنبە كۈنى تاكى كېچىگە قەدەر مۇسۇلمانلار مۇشۇ ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، رەسۇلۇللاھنى يەرلىكىدە قويۇش ئىشىغا ئېشنالمىدى. ھەتتا سەيشەنبە يورۇيدىغان كېچە تاڭ سەھەر ۋاقتى بولۇپ قالدى، شۇنىڭغىچە رەسۇلۇللاھنىڭ پاك تىنى فىراش ئۈستىدە ھېلىقى يوللۇق رەخىت بىلەن يېپىقلىق ھالەتتە تۇرۇپ تۇرىدى. ئۇنىڭ ئەھلىلىرى ئىشىكىنى ئىچىدىن ئېتىۋالغانىدى.

سەيشەنبە كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئىچ كىيىمى بىلەن تۇرغۇزۇپلا يۇيۇلدى. يۇغۇچىلار ئابباس، ئەلى، پەزلى ۋە قەسەم (ئابباسنىڭ ئىككى ئوغلى) شەقران (رەسۇلۇللاھنىڭ ئازات قىلىۋەتكەن قۇلى) ئۇسامە ئىبنى زەيد ۋە ئەۋس ئىبنى خەۋلە قاتارلىقلار ئىدى. ئابباس فەزلى قەسەملەر رەسۇلۇللاھنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ بەرگەنىدى ئۇسامە ۋە شەقىرانلار سۇ قۇيۇپ بەردى، .ئەلى ئۇنى يۇدى ئەۋس ئىبنى خەۋلە رەسۇلۇللاھنى كۆكرىكىگە ئېلىپ يولەپ ياردەملەشتى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن پاختىدىن توقۇلغان ئاق رەخىت بىلەن ئۈچ قات كىپەنلىدى. كۆينەك ۋە سەللە بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. رەسۇلۇللاھ رەخىتكە ھىم يۆگەلدى.

ئاخىرىدا مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنى دەپنە قىلىدىغان ئۇرۇن مەسىلىسىدە ئىختىلاپلىشىپ قالدى، ئەبۇ بەكرى: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: «ھەر قانداق بىر پەيغەمبەر قەبزە روھ(يەنى نەپەس ئۈزگەن) بولغان جايدا دەپنە قىلىنغان» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم» دېدى شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ تەلھە رەسۇلۇللاھ نەپەس ئۈزگەن ئورۇندىكى پىراشنى ئۆرۈۋېتىپ ئۇ يەرگە ئوران كۆلىدى ۋە قەبرە لەھەد(ئىچ ئورانلىق) قىلىپ ياسالدى.

ئاندىن ئادەملەر ئوندىن ئوندىن بىر جامائەت بولۇپ ھۇجرىغا كىرىپ رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى ئوقۇدى، ھېچ كىشى يەنە باشقا بىروغا ئىمام بولمىدى. دەسلەپ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئاندىن مۇھاجىرلار ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنسارلار كىرىپ ئوقىدى ئاياللار ئەرلەردىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا رەسىيدە ئۆسمۈر بالىلار كىرىپ ئوقۇدى.

مۇشۇ ئىش بىلەن سەيشەنبە پۈتۈن بىر كۈن ئوتتى، ھەتتا چاشەنبە يۇرىدىغان كېچە كىرىپ قالدى. ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: «بىز چارشەنبە يورۇيدىغان كېچە ھۇجرىدىن كەتمەن گۈرجەكلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغانغا قەدەر رەسۇلۇللاھنىڭ دەپنە قىلىنىپ بولغانلىقى ياكى قىلىنمىغانلىقىنى ئۇقالمىغانىدۇق».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسى

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ھىجرەتتىن ئىلگىرى مەككىدە قۇرغان ئائىلىسى ئۆزى ۋە ئايالى خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىددىن تەركىپ تاپقانىدى. رەسۇلۇللاھ خەدىچىگە ئۆيلەنگەن چېغىدا 25 ياشقا خەدىچە 40 ياشقا كىرگەنىدى. رەسۇلۇللاھ تاكى خەدىچە ۋاپات تاپقانغا قەدەر يەنە بىر خۇتۇنىنى ئەمرىگە ئالغان ئەمەس، ئۇنىڭدىن بىر قانچە ئوغۇل ۋە قىز پەرزەنىت يۈزى كۆرگەن ئوغۇللىرىدىن بىرىمۇ تۇرمىغان، (يەنى كىچىكىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن) قىزلىرىدىن زەينەب، رۇقىيە، ئوممى كۇلسۇم ۋە پاتىمەلەر چوڭ بولغان زەينەب ھىجرەتتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە تۇققىنى (يەنى زەينەبنىڭ ھامماچىسېنىڭ ئوغلى) ئەبولئاس ئىبنى رەبىيئگە ياتلىق بولغان رۇقىيە بىلەن ئڭممى كۇلسۇم بىرسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يەنە بىرنى كەينى كەينىدىن ئوسمان ئىبنى ئەپپانغا ياتلىق قىلىنغان، ئەمما پاتىمە بەدرى ئۇرۇشى بىلەن ئوھۇد ئۇرۇشى ئارىلىغىدا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا ياتلىق قىلىنغان بولۇپ ئۇنىڭدىن ھەسەن، ھۇسەيىن، زەينەب ۋە ئۇممى گۈلسۇم قاتارلىق تۆت پەرزەنتى بولغان. ھەممىگە مەلۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام نۇرغۇن ياخشى غەرەزلەر ۋە ئالىي مۇددىئا ۋە مەقسەتلەر ئۈچۈن تۆتتىن زىيادە خوتۇن ئالسا بولىدىغان ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى، شۇڭا ئۇ ئالغان ئاياللىرىنىڭ ئومۇمى سانى 13 كە يەتتى. توققۇز خوتۇنى ئىلكىدە بار ھالەتتە دۇنيادىن كەتتى. ئۇلاردىن ئىككىسى رەسۇلۇللاھ ھايات چېغىدىلا ۋاپات تېپىپ كەتكەن ئۇنىڭ بىرى خەدىچە يەنە بىرى «مىسكىنلەرنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتالغان زەينەب بىنتى خۇزەيمە ئىدى. قالغان ئىككىسىنى رەسۇلۇللاھ ئەمرىگە ئالغان لېكىن ئۇلارغا دوخۇل(بىر تەككىيدە باش قويۇش) قىلمىغان. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ نامى شېرىپلىرىنى ۋە ئەندەك تەئىرىپاتىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمىز.

  1. سەۋدە بىنتى زەمئە. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بىلەن نەبۇۋەت (رەسۇلۇللاھغا پەيغەمبەرلىك كەلگەن)نىڭ 10- يىلى شەۋۋال(10- ئاي) ئايدا، خەدىچە ئۆلۈپ كېتىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئۆيلەنگەن. ئۇ ئىلگىرى سەكران ئىبنى ئەمرى ئىسىملىك بىر نەۋرە تۇققىنىدا ئىدى. سەكران ئۆلۈپ كىتىپ سەۋدە تۇل قالغان.

  2. ئائىشە بىنتى ئەبى بەكرى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى نەبۇۋەت (پەيغەمبەرلىك كەلگەن يىلى)نىڭ 11- يىلى سەۋدىگە ئۆيلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن ھىجىرەتتىن ئىككى يىل ۋە بەش ئاي ئىلگىرى ئالتە يېشىدا مەككىدە ئەمرىگە ئالغان ھىجرەتتىن يەتتە ئاي كېيىن شەۋۋال (10- ئاي)دا مەدىنىدە ئۇنىڭ بىلەن بىر تەكىيدە باش قويغان. ئۇ بۇ چاغدا توققۇز ياشقا توشقانىدى. ئائىشە رەسۇلۇللاھ نىكاھىغا ئالغان تۇنجى قىز خوتۇنى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن باشقا قىز خوتۇن ئالمىغان. رەسۇلۇللاھ ئۇنىىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدى. ئائىشە مۇسۇلمان ئاياللىرى ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا فەقىھ(دىنىي ئالىمە) ۋە ئەڭ بىلىملىك شەخىس ھىسابلىنىدۇ.

  3. ھەفسە بىنتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىرى خۇنەيسە ئىبن ھۇزافە تۇسسەھمى بەدرى غازىتى بىلەن ئۇھۇد غازىتى ئارىلىغىدا ۋاپات تېپىپ كىتىپ تۇل قالغان شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنى ھىجىرىينىڭ 3- يىلى نىكاھىغا ئالغانىدى.

  4. زەينەب بىنتى خوزەيمە. بەنى ھىلال ئىبنى ئامىر جەمەتىدىن، ئۇ يېتىم-يەسىرلارغا بەك كۆيۈنگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن مىھرى شەپقىتىنى-ئايمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇممۇلمەساكىن (مىسكىن، ئاجىز-يېسرلارنىڭ ئانىسى) دەپ ئاتالغان. زەينەب ئەسلىدە ئابدۇللا ئىبنى جەھشىنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئابدۇللا ئۇھۇد ئۇرۇشىدا شەھىد بولۇپ كەتكەن شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنى ھىجىرىينىڭ 5-يىلى ئەمرىگە ئالدى. ئۇ رەسۇلۇللاغا ياتلىق بولۇپ ئىككى ئاي ياكى ئۈچ ئايدىن كېيىن ۋاپات تېپىپ كەتكەن.

  5. ئوممۇ سەلىيمە (تولۇق ئىسمى ھىندى بىنتى ئەبى ئۇمەييە). ئۇ ئىلگىرى ئەبى سەلىيمەنىڭ نىكاھىدا ئىدى. ئەبى سەلىمە ھىجىرىينىڭ 4- يىلى جەمادىيەل ئۇخرا(6- ئاي)دا ئۆلۈپ كەكەندىن كېيىن، شۇ يىلى شەۋۋال (10- ئاي)دا رەسۇلۇللاھقا ياتلىق بولدى.

  6. زەينەب بىنتى جەھىش ئىبنى رەياب. بەنى ئەسەد ئىبنى خۇزەيمە جەمەتىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ دادا تەرەپ ھاممىسىنىڭ قىزى. ئۇ بۇرۇن رەسۇلۇللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئاتالغان زەيد ئىبنى ھارىسقا ياتلىق قىلىنغان ئىدى. ئۇلار چىقىشالماي زەيد ئۇنىڭ تالىقىنى بىرىپ ئايرىلىپ كەتكەن، بۇ چاغدا ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا خىتاب قىلىپ: ﴿فلمّا قگا زيْد مّنْھا وطرًا زوّجْناكھا﴾ تەرجىمىسى: «زەينەبنى زەيد قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق»سۈرە ئەھزاب (37- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) دىدى.

يەنە مۇشۇ ھەقتە سۈرە ئەھزابتىن بىر قانچە ئايەت نازىل بولۇپ «بېقىش بېقىۋېلىش» مەسىلىسىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. (بىز بۇ توغرىدا كېيىن توختىلىمىز).

شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنى ھىجىرىيىنىڭ 5- يىلى زۇلقەئدە(11-ئايدا) ئۆز ئەمرىگە ئالدى.

  1. جۇۋەيرىيە. خۇزائە قەبىلىسى بەنى مۇستەلەق جەمەتىنىڭ باشلىقى ھارىسنىڭ قىزى. ئۇ بەنى مۇستەلەق غازىتىدا ئەسىر چۈشكەن بولۇپ سابىت ئىبنى قەيىس ئىبنى شىماسقا تەقسىم قىلىنغان سابىت ئۇنىڭ بىلەن مۇكاتەپ (قەرەللىك پۇل تاپشۇرۇپ ئۆزىنى ئازات قىلىش) توختىمى ئىمزالىغان. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنىڭ زىممىسىدىكى ھەقنى سابىتقا تۆلەپ بېرىپ ئۇنى ھىجىرىيىنىڭ 6- يىلى زۇلقەئدە(11- ئاي)دە نىكاھىغا ئالغانىدى.

  2. ئۇممى ھەبىبە(تولۇق ئىسمى رەملە). ئەبۇ سۇفياننىڭ قىزى. ئۇ بۇرۇن ئۇبەيدۇللا ئىبنى جەھەشنىڭ نىكاھىدا ئىدى. ئۇ ئېرى ئۇبەيدۇللا بىلەن بىللە ھەبەشىسىتانغا ھىجرە قىلغان، ئوبەيدۇللاھ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ(ئىسلام دىنىدىن يىنىپ) خىرىستىئان دىنىغا كىرىپ كەتكەن ۋە شۇ يەردە ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ئوممى ھەبىبە بولسا ئۆز ئەقدىسىدە چىڭ تۇرۇپ ھىجرەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ھىجىرىينىڭ 7- يىلى مۇھەررەم (11- ئاي)دە ئەمرى ئىبنى ئومەييە زەمەرىدىن نەجاشى (ھەبەشىسىتان پادىشاھى)غا مەكتۇپ ئەۋەتكەندە، ئۇ ئەمرى ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا خىرىدارلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەمرى رەسۇلۇللاھقا ئۇنىڭ نىكاھىنى چىگىپ قويۇپ، ئۇنى شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنەگە قېتىپ مەدىنىگە يولغا سېلىۋەتكەن.

  3. سەفىيە. ھۇيەي ئىبنى ئەختەپنىڭ قىزى بەنى ئىسرائىل (يەھۇدىي)لاردىن خەيبەر ئۇرۇشىدا ئەسىر چۈشكەن. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆزىگە تاللاپ ئېلىپ قىلىپ ئازات قىلىۋەتكەن ۋە شۇ يىلى(7- يىلى) ئۇرۇشتىن كىيىنلا ئۇنى نىكاھىغا ئالغان.

  4. مەيمۇنە بنتى ھارىس. ئوممى پەزلى (ئابباسنىڭ ئايالى)نىڭ ھەمشىرىسى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ھىجىرىيىنىڭ 7- يىلى زىلقەئدە(11- ئاي)دە ئالدىنقى يىلدىكى ھۇدەيبىيە ئومرە(ھەج)سېنىڭ قازاسىنى قىلغىلى بارغاندا(سەھىھ رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا) ئۆمرە ئىھرامدىن ھالال بولغاندىن كېيىن نىكاھىغا ئالغان. مانا بۇلار رەسۇلۇللاھ ئۆز نىكاھىغا نىكاھ ئەھدىسىنى بىرىپ ئالغان ۋە بىر تەكىيىگە باش قويغان ئون بىر پازىل ئايال خىنىملار دۇر ئۇلار نىڭ ئىچىدە (يۇقاردا تىلغا ئالغىنىمىزدەك) ئىككىسى رەسۇلۇللاھ ھايات ۋاقتىدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ توققۇزى رەسۇلۇللاھ ۋاپات تاپقاندا تېخى ھايات ئىدى.

رەسۇلۇللاھ نىكاھىغا ئېلىپ بىر تەكىيگە باش قويغۇچە ئۇ ئالەمگە كەتكەن يەنە ئىككى ئايالى بار ئدى. ئۇلارنىڭ بىرى بەنى كىلاب قەبىلىسىدىن يەنە بىرى كىندە قەبىلىسىدىن بولۇپ ئۇ جۇۋەيرىيە دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان. بۇ يەردە نۇرغۇن ئوخشىمىغان پىكىر ۋە قاراشلار بار ئۇنى تەپسىلىي بايان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەمما قۇل-چۆرىلەردىن مەلۇم بولىشىچە، رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن ئىككى چۆرىسى بىلەن باردى-كەلدى قىلغان. بىرى مارىيە قېبتى (مىسىرلىق) مىسر پادىشاھى مۇقەۋقىس رەسۇلۇللاھقا ھەدىيە قىلغان، ئۇ رەسۇلۇللاھقا ئوغلى ئىبراھىمنى تۇغۇپ بەرگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئوغلى ھىجىرىيىنىڭ 10- يىلى شەۋۋەل (10- ئاي)نىڭ 28- كۈنى ياكى 29- كۈنى مىلادى 632 -يىلى 27- يانۋار بوۋاق چېغىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.

ئىككىنچى چۆرىسى رەيھانە بىنتى زەيد(بەنى نەزىر ياكى بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىدىن) بەنى قۇرەيزە ئۇرۇشىدا ئەسىر چۈشكەن رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆزىگە قالدۇرغان، «يەنە بىر سۆزىدە رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئازاد قىلىۋېتىپ نىكاھىغا ئالغان، شۇڭا ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ خاتۇنلىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ»، دېيىلگەن.دەۋرىمىزدىكى تەتقىقاتچى ئالىم ئەبۇ ئوبەيدە يەنە باشقا ئىككى ئايالنى زىكرى قىلدى. ئۇنىڭ بىرى جەمىلە، بىر ئۇرۇشتا ئەسىر چۈشكەن يەنە بىرى زەينەب بىنتى جەھىش ھەدىيە قىلغان باشقا بىر چۆرىدۇر»، دېدى.

دىمەك، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ھاياتىغا نەزەر سالغان ھەر قانداق بىر كىشى شۇنى ئوبدان بىلىۋالىدۇكى، ئۆزىنىڭ ئوتتۇز يىلدەك ياشلىق ئۆمرىنى بولۇپمۇ ئەڭ گۈزەل ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان چاغلىرىنى، ئوتتۇرا ياشلىق (ئەۋۋەل خەدىچە ئاندىن سەۋدەگە ئوخشاش) بىر خوتۇن بىلەنلا ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مۇنچە كۆپ خاتۇنلارغا ئۆيلۈنۈپ قېلىشى ،ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇشۇنداق كۆپ خوتۇن بولمىسا قاندۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان بىر خىل شەھۋانى ئىشقىۋازلىق كېسىلى تەساددىپىي ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولماستىن بەلكى بۇ يەردە جىمىكى ئۆيلىنىش ۋە ياتلىق بولۇشلىرىدا ئاساسي نىشان قىلىدىغان مۇددىئا ۋە مەقسەتلىرىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغۋار تېخىمۇ يۈكسەك باشقا بىر غەزەر ۋە نىشانلارنىڭ بارلىقىنى چۈشىنەلەيدۇ. ئالايلى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە ۋە ھەفسەلەرگە ئۆيلۈنۈپ ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرلەر بىلەن قۇدىلىشىشقا يۈزلىنىشى شۇنىڭدەك قىزى فاتىمەنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپقا ۋە رۇقىيە ئاندىن ئۇممى كۇلسۇملارنى ئوسمان ئىبنى ئەففانغا ياتلىق قىلىشى ئۇنىڭ ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن قىيىن كۈنلەردە ئىسلام ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئاشۇ مەشھۇر تۆت شەخىس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىدە قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەتكە قاتتىق ھۆرمەت قىلىناتتى. ئۇلار كۈيئوغۇللۇق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش قارشىلىشىۋاتقان ئايماق جەمەتلەر ئارىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش دەرۋازىسىنى ئاچقانلىق دەپ بىلەتتى ۋە قۇدا كۈييئوغۇللار بىلەن تىركىشىپ قان تۆكۈشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئار-نۇمۇس ۋە تۆۋەن خەستلىك دەپ قارايتتى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ مۆئىمىلەرنىڭ ئانىلىرى بولغان ئاشۇ بىر قانچە ئايالنى ئەمرىگە ئېلىش ئارقىلىق ئايرىم قەبىلە ۋە ئايماقلارنىڭ ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكنى پەسەيتىشىنى ۋە ئىسلامغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇش ئوتلىرىنى ئۆچۈرۈشنى ئىرادە قىلدى.

مۇئىمىنلەرنىڭ ئانىسى ئوممى سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (ئەبى جەھىل ئىبنى ھىشام ۋە خالىد ئىبنى ۋەلىدلەرنىڭ قەبىلىسى بولغان) بەنى مەخزۇم قەبىلىسىدىن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇممى سەلىمە بىلەن تويلىشىۋىدى خالىد مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئۇھۇد ئۇرۇشىدا تۇتقان پوزىتسيەسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي ئەكسىچە تېخى ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزلىگىدىن مۇسۇلمان بولۇپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھىجرەت قىلىپ كەلدى. شۇنىڭدەك ئەبۇ سۇپىيانمۇ قىزى ئۇممى ھەبىبە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە ئۆتۈۋىدى، ئۇنىڭ بىلەن يۈزمۇ-يۈز تىركىشىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رەسۇلۇللاھ جۇۋەيرىيە ۋە سەفىيەلەرگە ئۆيلەنگەندىن كېيىن، بەنى مۇستەلەق ۋە بەنى نەزىر قەبىلىلىرىدىنمۇ ھېچقانداق ئىغۋاگەرچىلىك ئاشكارا دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرى كۆرۈلمىدى. ئەڭ مۇھىمى تېخى جۇۋەيرىيە ئۆز خەلقىگە نىسبەتەن ئەڭ بەرىكەتلىك ۋە ئىپتىخارلىق ئايال بولۇپ قالدى. رەسۇلۇللاھ جوۋەيىرىيەنى ئەمرىگە ئېلىۋىدى، ساھابىلار بەنى مۇستەلەق ئەسىرلىرىدىن يۈز ئائىلىلىك ئەسىرنى: «رەسۇلۇللاھنىڭ قىيناغا ۋە قىيناتىلىرى»، دەپ قويۇۋەتتى. بۇ ياخشىلىقنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.

يەنە بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغۋار ۋە بۇنىڭدىنمۇ شەرەپلىك بىردىن بىر غەرەز شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مەدەنىي مائارىپ، تەرەققىيات، ئەدەپ ئەخلاق قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىش ۋە ئىلغار جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ھەسسە قوشۇش دېگەنلەردىن قىلچە خەۋىرى يوق بىر خەلقنى ئاقارتىشقا مەسئۇل قىلىنغانىدى. ئەمما، ئىسلامىي جەمىئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىلىرى ئەر-ئاياللارنىڭ قارا-قويۇق ئارىلىشىشىغا يول قويمايتتى. ھالبۇكى، ئاياللارنى ئاقارتىشقا بولغان ئىھتىياج ئەرلەرگە قارىغاندا تولىمۇ جىددى ۋە كەم بولسا بولمايدىغان دەرىجىدە مۇھىم بولىسىمۇ، بىراق، ئاشۇ پرىنسىلارغا رىئايە قىلىش بىلەن تەڭ ھېلىقى (ئاياللارنىمۇ) ئاقارتىش نىشانىغا بىۋاستە يەتكىلى بولمايتتى.

بۇنداق ئەھۋالدا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئاشۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن يېشى ۋە تالانىت ئىقتىدارى ئوخشىمايدىغان قابىل ئاياللارنى تاللاپ ئەمرىگە ئېلىپ ئۇلارنى تەربىيىلەپ ئاقارتىشى، دىن شەرىئەت ئەھكامىنى ئۆگۈتۈپ ۋە ئىسلام مەدەنىيتى بىلەن قوراللاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى شەھەر، يېزا ئاياللىرىنىڭ قېرى ياش ھەممىسىنى تەربىلەشى ئۈچۈن ئالدىن تەربىىيلەپ يىتېشتۈرۈپ چىقىشى كىرەك ئىدى. ئاندىن ئۇلار ئاياللار ئىچىدىكى تەبلىغ(دىنى دەۋەت) يۈكىنى ئۈستىگە ئالالايتتى.

بەرھەق ئۇلار (يەنى مۆئىمىنلەرنىڭ ئانىلىرى)نىڭ كېيىنكى كۈنلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ۋە خۇسۇسىي ئىشلىرىنى كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا نەقىل قىلىپ تونۇشتۇرۇشتا ئاجايىپ چوڭ تۆھپىسى بولدى، بولۇپمۇ ئۇزاقراق ئۆمۈر كۆرگەن ئائىشە ئانىمىزغا ئوخشاش ئايال ئالىمەلەر رەسۇلۇللاھنىڭ نۇرغۇن ئىش ئىزلىرىنى ۋە سۆز ھەرىكەتلىرىنى ئەينەن تونۇشتۇرۇپ بەردى.

بۇ يەردە يەنە جاھىلىيەت ئىنسانلىرىنىڭ قان-تومۇرىغا سىڭىپ كەتكەن كونا ئەنئەنىۋى قائىدە يوسۇنلارنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان مۇنداق بىر خىل نىكاھمۇ بار. ئۇ قائىدە بولسا بالا بېقىۋېلىش قائىدىسى بولۇپ جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ نەزىرىدە بېقىۋېلىنغان بالا ئۆز ۋۇجۇدىدىن بولغان پەرزەنىتىگە ئوخشاشلا ھوقۇق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولاتتى. بۇ قائىدە كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا شۇ دەرىجىدە سىڭىپ كەتكەن ئىدىكى ئۇنى ئۆزگەرتىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلاتتى، ئەڭ قاملاشمايدىغان يىرى شۇكى، بۇ قائىدە ئىسلام يولغا قويغان نىكاھ، تالاق، مىراس، ۋە ھىجاپ (نامەھرەملىك) ۋە باشقا مۇئامىلىلەردىكى قائىدە-نىزاملارغا قاتتىق زىت بولۇپ ئىسلام دىنىي جەمئىيەتتىن يوقاتماقچى بولغان نۇرغۇن بۇزۇقچىلىق ۋە پاسادخورلۇقلارغا يوچۇق قالدۇراتتى.

شۇڭا، ئاشۇ ناتوغرا ئاڭنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى ئۆز ھاممىسىنىڭ قىزى زەينەب بىنتى جەھشىنى نىكاھىغا ئېلىشقا بۇيرىدى. زەينەب ئەسلىدە زەيدنىڭ ئەمرىدە ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئىسسىقچىلىق بولماي كەلدى. ئاخىرى زەيد ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىش قارارىغا كەلدى. بۇ دەل ئەھزاب (كۆپ قەبىلە بىرلەشمە) قوشۇنىنىڭ رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىپ توپلىشىپ مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان پەيتىگە توغرا كەلگەچكە رەسۇلۇللاھ مۇناپىقلار مۇشرىكلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تەتۇر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ ئىغۋاگەرچىلىك قوزغىشىدىن ۋە خۇراپى قائىدە يوسۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئىمانى ئاجىز مۇسولمانلارغا يامان تەسىر بېرىشىدىن ئەنسىرىدى. شۇڭا ئۇ تۆپىلەپ بۇ پاتقاققا پېتىپ قالماسلىق ئۈچۈن زەيدنىڭ خوتۇنىنى تالاق قىلىۋەتمەسلىكىنى تاپىلىدى. ئەمما، بۇنداق زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئېھتىيات يولىنى تۇتۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە دىلغۇلدا بولۇش رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيتتى، شۇڭا ئاللاھ بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا كايىدى ۋە مۇنداق دىدى: ﴿وَإِۇْ تَقُولُ لِلَّۇِي ۆَنْىَمَ اللَّھُ ىَلَيْھِ وَۆَنْىَمْتَ ىَلَيْھِ ۆَمْسِكْ ىَلَيْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللَّھَ وَتُخْفِي فِي نَفْسِكَ مَا اللَّھُ مُبْدِيھِ وَتَخْشَۈ النَّاسَ وَاللَّھُ ۆَچَقُّ ۆَن تَخْشَاھُ﴾ «ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن،سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: « خوتۇنىڭنى نھكاھىڭدا تۇتقىن،ئاللاھتىن قورققىن! » دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ،كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ،ئاللاھ دىن قۇرقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. «قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب (37- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ئاخىرى بولماي زەيد ئۇنى تالاق قىلىپ ئايرىلىپ كەتتى. مۇسۇلمانلار بەنى قۇرەيزەنى مۇھاسىرگە ئېلىۋاتقان كۈنلەردە رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئىددىتى (ئاجراشقاندىن كېيىن 100 كۈنگىچە ياتلىق بولماي كۈتۈپ تۇرۇش ۋاقتى) چىقىپ بولغاندىن كېيىن نىكاھىغا ئالدى. بۇ نىكاھ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىختىيارى بىلەن بولماستىن بەلكى ئاللاھ بۇ نىكاھىنى رەسۇلۇللاھقا قەتئى تاڭغان ئىدى، ھەتتا بۇ نىكاھقا ئۆزى بىۋاستە ئىگىدارچىلىق قىلىپ ﴿َلَمَّا قَگَۈ زَيْدٌ مِّنْھَا وَطَرًا زَوَّجْنَاكَھَا لِكَيْ لَا يَكُونَ ىَلَۈ الْمُۋْمِنِينَ چَرَجٌ فِي ۆَزْوَاجِ ۆَدْىِيَاېِھِمْ إِۇَا قَگَوْا مِنْھُنَّ وَطَرًا وَكَانَ ۆَمْرُ اللَّھِ مَفْىُولًا﴾ «مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن،زەينەبنى زەيد قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق» سۈرە ئەھزاب 37- ئايەتنىڭ بىر قىسمى دىدى. دىمەك ئاللاھنىڭ زەينەبنى رەسۇلۇللاھقا مەجبۇرىي نىكاھلاپ بېرىشىدىكى سەۋەب مۇنۇ ئايەتلەردە نەزەرىيە جەھەتتىن ئاللىقاچان پاچاقلاپ تاشلانغان بالا بېقىش ۋە بېقىۋىلىشنىڭ كونا خاتا قائىدە يوسۇنلارنى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق بىر قېتىملىق تۈزەش ھىسابلىناتتى. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ادْىُوھُمْ لِژبَاېِھِمْ ھُوَ ۆَقْسَطُ ىِندَ اللَّھِ﴾ «ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر» (سۈرە ئەھزاب 5- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ مَّا كَانَ مُچَمَّدٌ ۆَبَا ۆَچَدٍ مِّن رِّجَالِكُمْ وَلَكِن رَّسُولَ اللَّھِ وَخَاتَمَ النَّبِيِّينَ وَكَانَ اللَّھُ بِكُلِّ شَيْءٍ ىَلِيمًا ﴾ «مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس،لېكىن (ئۇ ) ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىر ى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر(ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان،ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)» (سۈرە ئەھزاب 40- ئايەت).

شۇنداق… جەمئىيەتتە شۇ دەرىجىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن نۇرغۇن ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇنلار باركى ئۇنى ئاغزاكى تەشۋىقاتقا تايىنىپلا تۈگەتكىلى ياكى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى زىچ بىرلىشىشى لازىم. بۇ خىل ئەمەلىي ھەرىكەتنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتقا قانچىلىك تېز تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھۇدەيبىيە ئۆمرىسىدە مۇسۇلمانلاردا ناھايىتى رۇشەن ئىپادىلەندى. ئۇ قېتىم مۇسۇلمانلار ئورۋە ئىبنى مەسئۇد سەقەفى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىنىدەك رەسۇلۇللاھنىڭ تۈكۈرگەن تۈكۈرىكلىرىنىمۇ تەبەررۇك بىلىپ يۈز كۆزلىرىگە سۈركىلىۋېلىشقان، تاھارەت سۈيى بىلەن قوللىرىنى نەملىۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ كەتكىلى تاسلا قېلىشقاندى. ئۇلار تېخى دەرەخ تۈۋىدە ئۆلۈمگە رازى بولۇش، ئەمما قاچماسلىققا بەس-بەستە ئەھدى بىرىشكەن پىداكار مۇسۇلمانلار ئىدى.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرلەرگە ئوخشاش پىشقەدەم، پىداكار ساھابىلارمۇ بار ئىدى. ھۇدەيبىيە كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ ساھابىلارنى دەرھال تۇرۇپ ھەدىيە(قۇربانلىق)لىرىنى بوغۇزلاپ ئىھرامدىن چىقىشقا بۇيرىغان ئىدى، ئۇنىڭ بۇيرىقىغا ھېچكىم مىدىر-سىدىر قىلماي جىم تۇرۇۋالدى، ھەتتا رەسۇلۇللاھ قاتتىق تەشۋىشلەندى ۋە غەزەبلەندى، لېكىن بۇ چاغدا ئوممى سەلىمە رەسۇلۇللاھقا باشقىلار بىلەن كارى-بارى بولماي ئۆزى بېرىپ ھەدىيە(قۇربانلىق)سىنى زەبھى قىلىپ ئىھرامدىن چىقىۋىرىشكە مەسلەھەت بەردى، رەسۇلۇللاھ شۇنداق قىلىۋىدى، ساھابىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ ھەدىيىلىرىنى زەبھى قىلىشىپ ئىھرامدىن چىقىشقا ئالدىرىدى. مانا بۇ ۋەقە ئارقىلىق كونا ئەنئەنىۋى بىر قائىدىنى ئۆزگەرتىشتە ئاغزاكى تەشۋىقات بىلەن ئەمەلى ھەرىكەتنىڭ بىرلىشىشىنىڭ قانچىلىك زور تەسىر پەرقى بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

دېگەندەك بۇ نىكاھتىن كېيىن مۇناپىقلار نۇرغۇن ئىغۋالارنى تارقاتتى، ئۇلار بۇ نىكاھ توغرىسىدا كەڭ كۆلەمدە تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ بەزى ئىمانى ئاجىز مۇسۇلمانلارغا قىسمەن يامان تەسىرلەرنى كۆرسەتتى، بولۇپمۇ زەينەب رەسۇلۇللاھنىڭ بەشىنچى ئايالى بولۇپ قالدى، ۋەھالەنكى مۇسۇلمانلار بىر ئەر تۆتتىن زىيادە خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ ھالال(راۋا)لىقىنى قەتئى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە زەيد ئىبنى ھارس شۇ كەمگىچە رەسۇلۇللاھنىڭ ئوغلى دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. ئەلنىڭ نەزىرىدە ئوغلىنىڭ ئايالىنى خۇتۇن قىلىش ئەڭ قەبىھ پاھىشىۋازلىق سانىلاتتى. ئاللاھ سۈرە ئەھزابتا مۇشۇ ئىككى تېما ھەققىدە دەل جايىدا ۋە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى ۋە ساھابىلارمۇ «بېقىش-بېقىۋېلىش» نىڭ ئىسلام دىنىدا نىكاھ مۇناسىۋىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ۋە يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئۇنىڭ ئالاھىدە ئۇلۇغۋار نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئاممىسغا رۇخسەت قىلىنمىغان تۆتتىن زىيادە ئۆيلىنىش ئىمتىيازىنى بەرگەنلىكىنى بىلىۋالدى.

خوش… رەسۇلۇللاھ ئاشۇ ئوممۇھاتىلمۇئمىنىين (مۆئىمىنلەرنىڭ ئانىلىرى) بىلەن سەمىمىي، كۆيۈمچانلىق، ھايا-ھۆرمەت، ئېسىللىك، ئالىي جاناپلىق ۋە خۇش-خۇيلۇق بىلەن چىقىشىپ ئۆتكەن. شۇنىڭدەك ئۇلارمۇ رەسۇلۇللاھنى ئىززەتلەش، قانائەت قىلىش، سەبرىچانلىق، كەمتەرلىك، ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىش ۋە ئەر-خۇتۇنلۇق ھەقلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش جەھەتلەردە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تۇراتتى، ھالبۇكى رەسۇلۇللاھنىڭ تۇرمۇشى كىشى تاقەت قىلالمىغۇدەك رەۋىشتە قىسىلچىلىق ۋە نامراتچىلىقتا ئۆتكەنىدى. ئەنەس مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ تاكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا رىھلەت (سەپەر) قىلغانغا قەدەر ئاق نان كۆرگىنىنى ۋە بىر پۈتۈن كاۋاپ قىلىنغان قوينى كۆرگىنىنى بىلمەيمەن»، دېگەن. ئائىشە: «بىز ئىككى ئاي ئۆتۈپ ئۈچىنچى يېڭى ئاينى كۆرەتتۇق، رەسۇلۇللاھنىڭ ھېچ قايسى ئۆيلىرىدە ئۆت قالانمايتتى» دېگەن. ئۇرۋە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇنىڭدىن: «سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلار نېمە ئىدى؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: « ئىككى قارا يېمەكلىك يەنى سۇ ۋە خورما ئىدى»، دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر ناھايتى كۆپ.

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى مۇشۇنداق غورىگىل ۋە نامراتلىقتا ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ ئاياللاردىن تەنقىدلەشكە تىگىشلىك چوڭ بىر قانەئەتسىزلىك خاتالىقى سادىر بولغان ئەمەس، بىراق ئۇلارمۇ ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى شەرىئەت ئەھكامىنى تۇرغۇزۇشقا سەۋەب بولسۇن ئۈچۈن پەقەت بىرلا قېتىم يۈز بەرگەن. بۇ چاغدا ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا ئىختىيار، قويۇش ئايىتىنى نازىل قىلىپ: « يَا ۆَيُّھَا النَّبِيُّ قُل لِّۆَزْوَاجِكَ إِن كُنتُنَّ تُرِدْنَ الْچَيَاەَ الدُّنْيَا وَزِينَتَھَا فَتَىَالَيْنَ ۆُمَتِّىْكُنَّ وَۆُسَرِّچْكُنَّ سَرَاچًا جَمِيلًا (28) وَإِن كُنتُنَّ تُرِدْنَ اللَّھَ وَرَسُولَھُ وَالدَّارَ الْژخِرَەَ فَإِنَّ اللَّھَ ۆَىَدَّ لِلْمُچْسِنَاتِ مِنكُنَّ ۆَجْرًا ىَئِيمًا» تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! (ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن) ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر دۇنيا تېرىكچىلىكىنى (يەنى پاراۋان تۇرمۇشنى) ۋە دۇنيانىڭ زىبۇ زىننەتلىرىنى كۆزلىسەڭلار،كېلىڭلار،سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي،سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي﴿28﴾.ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى،ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار،ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن،قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇ نېمەتلەر بار جەننەتنى )تەييار قىلدى» (سۈرە ئەھزاب 28-29- ئايەتلەر) دېدى.

ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئىسىل نەسەب پاكىزلىقى ۋە ئالىي جاناب پەزىلەتلىكلىكى تۈپەيلىدىن ھېچ كىشىگە مەسلىھەت سالماستىن، ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىختىيار قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بىرىمۇ دۇنيانى(يەنى بۇ دۇنيانىڭ پاراۋان تۇرمۇشنى) تاللاشقا مايىل بولۇپ كەتمىدى.

شۇنداقلا ئۇلار شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق، ئادەتتە ( كۈندەشلەر) ئارىسىدا يۈز بىرىدىغان كۈندەشلىك غەلۋە-غۇدۇرلىرى يۈز بەرمىدى. پەقەت ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئايرىم بەزىلىرىدىن قىسمەن گەپ سۆزلەر بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ ئاللاھ بۇنىڭغا تەنقىد بەرگەندىن كېيىن قايتا تەكرارلانمىدى. بۇ ئەھۋالنى ئاللاھ سۈرە تەھرىمدە مۇنداق دەپ تىلغا ئالدى: «يا ۆيّھا النّبِيّ لم تچرّم ما ۆچلّ اللھ لك تبْتغي مرْگات ۆزْواجك واللھ غفور رّچِيم» تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن ھارام قىلىسەن،ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[1] .ئاللاھ سىلەرگە (كەففارەت) بىلەن قەسىمىڭلاردىن چىقىشنى بەلگىلىدى،ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر،ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[2] . ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئاياللىرىدىن بىرىگە (يەنى ھەفسەگە) بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى، ئۇ (يەنى ھەفسە) ئۇنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان،ئاللاھ بولسا سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى (پەيغەمبەرگە) بىلدۈرگەن چاغدا، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇنىڭغا (ھەفسەگە) ئۇ (يەنى ھەفسە) ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئېيتتى (يەنى يۈزىگە سالدى). بەزىسىنى ئېيتمىدى (يەنى يۈزىگە سالمىدى). پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ (يەنى ھەفسە): «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، پەيغەمبەر: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردارئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى[3] . ئەگەر (ئائىشە، ھەفسە) ئىككىڭلارئاللاھغا تەۋبە قىلساڭلار (ئۆزەڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر). سىلەرنىڭ دىلىڭلار (رەسۇلۇاللەغا ئىخلاس قىلىشتىن) بۇرۇلۇپ كەتتى، ئەگەر سىلەر (رەسۇلۇللا خوپ كۆرمەيدىغان ئىش ئۈستىدە) ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرساڭلار، ئۇ چاغدائاللاھ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇ، ئۇلاردىن باشقا پەرىشتىلەرمۇ (ئۇنىڭغا) يۆلەنچۈكتۇر[4]. ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، پەرۋەردىگارى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى، (اللەنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچى، (اللەغا ۋە پەيغەمبەرگە) ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، گۇناھلاردىن تۆۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى ئۇنىڭغا بېرىشى مۇمكىن (تەھرىم 1- 5 ئايەتكىچە).

ئاخىرىدا مەن (مۇئەللىپ) ئىسلام دىنىنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش پرىنىسپىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ۋە ئۇنى ئاقلاپ دەلىللەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن. چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ بۇ سىياسىتىگە چىش تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرىدىغان ئاشۇ ياۋرۇپالىقلارنىڭ ۋە ئامېرىكا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا بولۇپمۇ، ئۇلار تارتىۋاتقان بەختىسزلىك ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارغا، ئۇلار سادىر قىلىۋاتقان رەسۋاچىلىق ۋە قەبىھ جىنايەتلەرگە ۋە بۇ پىرىنسىپتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن دۇچ كېلىۋاتقان بالا-قازا ۋە دەرت ئەلەملىرىگە نەزەر سالغان ھەر قانداق بىر ئەقىللىق كىشى دەلىلەپ ئولتۇرمىساقمۇ بۇنى چۈشىنىدۇ، مانا ئۇلارنىڭ بۇ بەختسىز ھاياتى ئىسلام دىنىنىڭ مۇشۇ پرىنسىپىنىڭ ئادىل توغرىلىقىغا بولغان ئەڭ كۈچلۈك روشەن شاھىد بولالايدۇ، بۇنىڭدىن ئەقىل ئىلگىرى چوقۇم ئىبرەت ئالالايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى

ۋە گۈزەل ئەخلاقلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى پەزىلىتى ۋە مۇكەممەل بەدەن قۇرۇلۇشى سۈپەتلىرى بىلەن تىل تەۋسىپلەشتىن ئاجىز كېلىدىغان دەرىجىدە ئالاھىدە ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئۈچۈن تۈمەن مىڭ قەلبلەر ئۇنى ئۇلۇغلاش ۋە تەۋسىپلەش بىلەن كۆيدى. نى…نى ئەزىمەتلەر ئۇنى قوغداش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش يولىدا دۇنيا تارىخىدا ئىككىنچى بىر كىشىگە كۆرسىتىلمىگەن پىداكارلىقلارنى كۆرسەتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتكەنلەر ئۇنىڭغا گۇيا ئاشىق بولۇپ قالغاندەك دوست تۇتۇپ قالاتتى. ئۇلار بېشى كېتىشكە رازى ئىدىكى، رەسۇلۇللاھنىڭ تىرنىقى يېرىلىشقا كۆزى قىيمايتتى. ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھنى شۇ دەرىجىدە ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلىشىدىكى بىردىن بىر سىر رەسۇلۇللاھنىڭ ۋۇجۇدىدا باشقا بىر ئىنساندا تېپىلمايدىغان كامالى پەزىلەتلەرنىڭ بار بولغانلىقىدا ئەلبەتتە. تۆۋەندە بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئاجىزلىقىمىزنى ئىتراپ قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بەزى گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە مۇكەممەل سۈپەت رەۋىشلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز.

رەسۇلۇللاھنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى”

ئۇممى مەئبەد خۇزائى رەسۇلۇللاھنى(ئۇ ھىجرەت سەپىرىدە ئۇممى مەئبەدنىڭ چىدىرىغا چۈشۈپ ئۆتكەنىدى) ئىرىگە تۇنۇشتۇرغاندا: «ئۇ چىرايى نۇرلۇق رەڭگى ئاق، بەدەن قۇرۇلۇشى گۈزەل قامەتلىك، ئوتتۇرا بوي، كۆزى چوڭ، چاچلىرى تىرەڭ، رەتلىك، ئاۋازى جاراڭلىق، يېقىملىق بوينى تۈز، كېلىشكەن، قارا كۆز، ئۆرىمە كىرپىك، قەلەم-قاش، چېچى قاپ-قارا، جىم تۇرسا سالاپەتلىك، سۆزلىسە ھەيۋەت ياغىدىغان، يىراقتىن قارىماققا قاۋۇل، ھەيۋەتلىك، يېقىندىن كۆرمەككە مۇلايىم ھەم خۇش پېئىل، تىلى تاتلىق، ئىسىل،كەم سۆز خامۇشمۇ ئەمەس، تولا سۆزلەيدىغان ۋالاق تەككۇرمۇ ئەمەس ئۇنىڭ سۆزلىرى يىپى ئۇزۇلگەن گۆھەردەك چۈشىدىكەن، پاكارلىق بىلەن ھاقارەتلەنمەيدىغان ئېگىزلىك بىلەن ئەيىبلەنمەيدىغان ئوتتۇرا بوي، ئىككى شاخ ئوتتۇرىسىدىكى نۇتىغا ئوخشايدىكەن. ئۈچەيلەن ئىچىدىكى ئەڭ كۆركەم بەلەن كىشى ئىكەن. ھەمراھلىرى ئۇنى جېنى بىلەن قوغدايدىكەن، سۆزلىسە جىم تۇرىشىدىكەن، بۇيرىسا ئىجرا قىلىشقا ئالدىرايدىكەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىناۋەتلىك، توڭ قوپالمۇ ئەمەس ۋە قۇسۇرچى مالامەتخورمۇ ئەمەس ئىكەن» دېگەن.

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ بەك ئېگىز خادا بويمۇ ئەمەس، بەك پاكار پىستەكمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا بوي كىشى ئىدى. چاچلىرى گىيدە-بۇدرىمۇ ئەمەس، جانسىز ئۆلۈكمۇ ئەمەس، ئەتلىك يارىشىملىق ئىدى. يۈزى گۆشلۈك، سىمىزمۇ ئەمەس، ئورۇقمۇ ئەمەس، يۈزى يۇمىلاق رەڭگى رويى ئاق، كۆزىنىڭ قارچۇغى قاپ-قارا كىرپىكلىرى قويۇق كۆكرىكى كەڭ، غوللۇق مەيدىسىدە تۆۋەنگە سوزۇلغان يۇمران تۈكلەر بار ئىدى. پۇت-قوللىرىنىڭ ئالقانلىرى كەڭ ئىدى ماڭسا ئىگىزدىن چۈشىۋاتقاندەك سالماق ماڭاتتى، قارىسا تامامەن بۇرۇلۇپ قارايتتى، غولىدا پەيغەمبەرلىك مۆھۈرى بار ئىدى. قولى كەڭ(يەنى سىخى) يۈرەكلىك(قورقماس) راستچىل، ۋاپادار، تەبىئىتى ئوڭلۇق چىقىشقاق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنى دەسلەپ كۆرگەن ئادەمگە سۇرلۇك تۇيۇلاتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ تۇنۇشقان ئادەم ئۇنى دوست تۇتۇپ قالاتتى. رەسۇلۇللاھنى تەرىپلىگۈچىلەر: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامدەك ئادەمنى بۇرۇنمۇ ۋە كېيىنمۇ كۆرمىدىم» دېيىشىدۇ.

ئەلىدىن نەقىل قىلنىغان يەنە بىر رىۋايەتتە: «رەسۇلۇللاھنىڭ باش سۆڭىكى چوڭ، ئۇستىخانلىق، مەيدىسىدە تۆۋەنگە سوزۇلغان يۇمران تۇكلەر بار ئىدى. گويا ئېگىزدىن چۈشۈۋاتقاندەك تېز ماڭاتتى» دېيىلگەن.

جابىر ئىبنى سەمۇرە: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئاغزى يوغان كۆزىنىڭ ئېقى قىزغۇچراق پۇتىنىڭ ئوشۇق سۆڭىكى ئۆسۈك ئىدى»دېگەن.

ئەبۇ تۇپەيل: «رەسۇلۇللاھ رەڭگى ئاق، قاڭشارلىق ئوتتۇرا بوي كىشى ئىدى» دېگەن.

ئەنەس ئىبنى مالىك: «رەسۇلۇللاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ ئالقانلىرى كەڭ ئىدى» دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزى ئاق سېرىقمۇ ئەمەس، بۇغداي ئوڭلۈك قارامتۇلمۇ ئەمەس، نۇرلۇق پارقىراق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ چاچ ساقاللىرىدا يىگىرمە دانە ئاق تۈك چىقمايتتى، ئۇنىڭ چىكىسىدە ۋە باش قىسمىدا ئاندا-ساندا ئاق چاچ پەيدا بولغان ئىدى».

ئەبۇ جۇھەيپە: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەنكى لېۋى ئاستىدا يەنى ماقىلىدا ئانچە مۇنچە ئاق تۈك كۆرگەن ئىدىم»، دېگەن.

ئابدۇللا ئىبنى بۇسرى: «رەسۇلۇللاھنىڭ ماقىلىدا بىر قانچە تال ئاق تۈكلەر بار ئىدى» دېگەن.

بەرائ ئىبنى ئازىب: «رەسۇلۇللاھ ئوتتۇرا بوي، غوللۇق كىشى ئىدى. ئۇنىڭ قۇلىقىنى يېپىپ تۇرىدىغان چېچى بار بولۇپ، مەن ئۇنى بىر كۈنى قىزىل رەڭلىك تون بىلەن كۆرگەن ئىدىم. ماڭا ئۇنىڭدىن چىرايلىق كىشى كۆرۈنمىدى»، دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام دەسلەپكى بىر مەزگىللەردە يەھۇدىيلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى ياقتۇرغانلىقى ئۈچۈن چېچىنى قويۇەتتى، كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە چېچىنى ئايرىيدىغان بولدى»دېگەن

بەرائ: «رەسۇلۇللاھ ئادەملەر ئارىسىدىكى يۈزى(چىرايى) ئەڭ چىرايلىق تەن قۇرۇلۇشى ئەڭ كېلىشكەن كىشى ئىدى» دېگەن.

بەررائىيدىن: «رەسۇلۇللاھنىڭ چىرايى قىلىچتەك پارقىراقمىدى؟» دەپ سورالغاندا ئۇ: «ياق بەلكى ئۇنىڭ چىرايى شەكلى ئايدەك(يەنە بىر سۆزدە يۇمىلاق) ئىدى»، دېگەن.

رەبىئە موئەۋۋىز: «مەن رەسۇلۇللاھنى كۆرسەم قۇياشنىڭ جۇلا قىلىپ نۇر چاچقان ھالىتىنى كۆرگەندەك بولاتتىم» دېگەن.

جابىر ئىبنى سەمۇرە: «مەن بىر ئايدىڭ كېچىدە رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچراشقان ئىدىم، مەن رەسۇلۇللاھقا بىر قارايمەن، ئايغا بىر قارايمەن. رەسۇلۇللاھ قىزىل تون كىيىۋالغان ئىكەن، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ تولۇن ئايدىنمۇ چىرايلىقراق بولۇپ كېتىپتۇ» دېگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە: «مەن رەسۇلۇللاھتىن چىرايلىق ئادەمنى كۆرمىگەن، قۇياش گويا ئۇنىڭ يۈزىدە ئاققاندەك بىلىنەتتى. ماڭسا ئۇنىڭغا يەر قاتلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى، بىز مۇشەققەت بىلەن ماڭساق، ئۇ قىينالماي ماڭاتتى»دېگەن.

كەئەب ئىبنى مالىك مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ خۇشاللانسا چىرايى يورۇپ كېتەتتى، گويا ئۇ تولۇن ئاينىڭ ئۆزى بولۇپ كېتەتتى. بىر قېتىم ئۇ ئائىشىنىڭ يېنىدا تەرلەپ قالغانىدى ئۇنىڭ يۈزى ۋىلىلداپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئائىشە ئۇنىڭغا ئەبو كەبىر ھۇزەلينىڭ تۆۋەندىكى شىئىرنى تەمسىل قىلىپ ئوقۇپ بەردى.

قارايدىغان بولسىڭىز چىراي شەكلى جاناننىڭ،

چاقماق كەبى نۇر چاچار مىسلى بولۇت جاھاننىڭ.

ئەبۇ بەكرى رەسۇلۇللاھنى كۆرسە مۇنداق ديتتى:

ئىشەنچىلىك مۇستاپا ياخشىلىققا چاقىرار،

تولۇن ئاينىڭ نۇرىدەك قاراڭغۇنى يورىتار.

ئۆمەر رەسۇلۇللاھقا زۇھەيرىنىڭ ھەرەم ئىبنى سىنان ھەققىدە ئېيتقان مۇنداق بىر مىسرا شىئىرىنى تەمسىل قىلاتتى:

سىز ئەگەر بولماي كىشى ئادىمىزات نەسلىدىن،

چىقسىڭىز كۆككە ئۈزۈپ نۇرسىز كۆرۈنگەي تولۇن ئاي.

ئاندىنئۇ: «رەسۇلۇللاھ مانا مۇشۇنداق ئىدى»، دەيتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام غەزەپلەنسە چىرايى قىزىرىپ گوياكى ئۇنىڭ مەڭزىگە ئانارنىڭ دانچىلىرى سىقىلغاندەك بولۇپ كىتەتتى.

جابىر ئىبنى سەمورە: «رەسۇلۇللاھنىڭ پاچىقىدا ئازراق قاپارتما ئىزلىرى بار ئىدى، ئۇ كۈلسە تەبەسسۇم بىلەن كۈلەتتى. مەن رەسۇلۇللاھنى كۆرسەملا كۆزىگە سۈرمە سۈركەپتۇ» دەيتتىم، ئەمما ئۇ سۈرمە تارتمايتتى» دېگەن.

ئىبنى ئابباس: «رەسۇلۇللاھنىڭ چىشى ئاراشراق ئىدى، سۆزلىسە چىشلىرى ئارىسىدىن نۇر چىقىۋاتقاندەك بىلىنەتتى »دېگەن.

ئۇنىڭ بوينى كىيىكنىڭ بوينىدەك كېلىشكەن، كۈمۈشتەك پاكىز ئىدى. ئۆرىمە كىرپىكلىك قويۇق ساقاللىق، پىشانىسى كەڭ قەلەم قاش، قاڭشارلىق ، مەڭزى تۈز، كۆكرىكىدىن كىندىكىگىچە تۆۋەن سوزۇلغان تۈكلەر بار ئىدى. قول ۋە ئىككى دولىسى تۈكلۈكرەك قوساق ۋە مەيدىلىرى تۈپتۈز كەڭ كۆكرەكلىك، بىلەكلىرى ئۇزۇن، پۇت-قوللىرىنىڭ ئالقانلىرى كەڭ ، تاپىنىنىڭ بوشلۇقى يىۋاڭراق، ئۈگە-بارماقلىرى ئۇزۇن ئىدى. ماڭسا قوزغىلىپ ماڭاتتى. قەدىمىنى ئۈزۈپ كۆتۈرۈپ سالماق قەدەم تاشلاپ ماڭاتتى».

ئەبۇ جوھەيفە: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قولىنى تۇتۇپ پىشانەمگە قويغان ئىدىم، ئۇ قاردىنمۇ سوۇق(يەنى راھەتلىك) ئىپاردىنمۇ خۇشبۇي تۇيۇلدى» دېگەن.

جابىر ئىبنى سەمۇرە: «رەسۇلۇللاھ مەڭزىمنى (ئۇ كىچىك سەبى بالا ئىدى) سىلاپ قويۇىدى، ئۇنىڭ قولىنى گويا ئەتتار(ئەتىر ساتقۇچى)نىڭ قۇتىسىدىن چىققاندەك ھېس قىلدىم» دېگەن. ئۇممى سولەيم: رەسۇلۇللاھنىڭ تەرلىرى ئەڭ ئېسىل، خۇشپۇراق ئىدى»، دېگەن.

جابىر: «بىرەر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ماڭغان يولدىن ئۆتسە ئۇ شۇ يولنىڭ خۇشبۇيلىقىدىن بۇ يولدا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ماڭغانلىقىنى بىلەتتى، ئۇنىڭ مۆىسىدە كەپتەر تۇخۇمىغا ئوخشاش ئەسلى ئېتىدە پەيغەمبەرلىك مۆھۇرى بار ئىدى. ئۇ سول مۈىسېنىڭ ئۇدۇلىدا يۇمىلاق قاپارتقۇ (بىر خىل ئۆسمە) شەكلىدە بولۇپ ئۈستىدە سىزىقچىلار بار توپچا ئىدى»، دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىجەز خاراكتېرى ۋە ئېسىل ئەخلاقلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام تىلىنىڭ پاساھەتلىكلىكى ۋە يۇقىرى سۆز قابىلىيىتى بىلەن ئالاھىدە ئورۇندا تۇراتتى. ئۇ تەبىئىتى مۇلايىم، تىلى راۋان، سۆزى مەزمۇنلۇق، چۈشەنچىسى دۇرۇس، تەكەللۇپسىز ئىدى. ئۇنىڭدا لەبزى ئىخچام، مەزمۇنلۇق، ھېكمەتلىك سۆزلەش ئىقتىدار ئاتا قىلىنغانىدى. ئۇ ئەرەب تىل-شىۋىلىرىنى پىششىق بىلەتتى. ھەر بىر قەبىلە خەلقىگە شۇ قەبىلىنىڭ تىل تەلەپپۇزى ۋە سۆزلەش ئۇسلۇبى بويىچە سۆزلەيتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋۇجۇدىدا سەھرانىڭ ساددا، تەبىئىي سۆز ئىقتىدارى بىلەن شەھەرنىڭ مەدەنىي، چۈرۈك تەلەپپۇزى ۋە ئىلاھىي ۋەھىي تەمىنلىگەن ئاللاھنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بىرىشى تولۇق مۇجەسسەملەشكەنىدى. مۇلايىملىق، جاپاغا چىداش، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق كەچۈرۈم قىلىش كۆڭۈلسىزلىكلەرگە سەبرى قىلىش قاتارلىقلار ئاللاھ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتلەر ئىدى. ھەر قانداق مۇلايىم ئادەم ھەمىشە مۇلايىم بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭدىن چوقۇم ھامان بىرەر قېتىم ئالدىراقسانلىق سادىر بولۇشى مۇمكىن، لېكىن پەيغەمبىرىمىز شۇنچە كۆپ كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە چىدىغان، ئۆزىگە ئازار، كۈلپەت يەتكۈزگەن نادان جاھىللارغىمۇ مۇلايىملقىنى ئۆزگەرتمىگەن.

ھەزرىتى ئائىشە: «رەسۇلۇللاھ ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى ئىختىيار قىلىشقا توغرا كەلگەندە گۇناھ بولمايدىغانلا بولسا ئۇنىڭ ئوڭايراغىنى تاللايتتى، ئەگەر گۇناھ بولىدىغان بولسا ئۇنىڭدىن ھېزى بولاتتى. ئۆزى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايتتى، پەقەتلا ئاللاھنىڭ ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنسا ئاللاھ ئۈچۈنلا ئىنتىقام ئالاتتى. ئۇ غەزەپلىنىش ۋە ئاچچىقلىنىشتا بەك ئاستا، رازىمەنلىك ۋە خۇشال بولۇشتا ئەڭ تېز ئىدى»، دېگەن.

رەسۇلۇللاھنىڭ كەڭ قول، سېخىيلىقى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ كەڭ قول، سېخىيلىقى”

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ساخاۋەت ۋە كەڭ قوللۇق بابىدا تەڭدىشى يوق ئىدى. ئۇ نامرات بولۇپ قىلىشتىن قورقماي بىرەتتى. ئىبنى ئابباس: «رەسۇلۇللاھنىڭ ياخشىلىق ئۈچۈن قولى بەك ئوچۇق ئىدى. رامىزان ئېيىدا تېخىمۇ سېخى بولۇپ كېتەتتى. جىبرىئىل بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا تېخىمۇ كەڭ قول بولۇپ كىتەتتى، جىبرىئىل رامىزاننىڭ ھەممە كۈنىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قۇرئاننى دەرس-مۇزاكىرە قىلىپ بىرەتتى، بۇ چاغدا ئۇ ياخشىلىق ئۈچۈن شامالدىنمۇ تېز ھەرىكەت قىلاتتى» دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ باتۇرلۇقى

بۆلۈم: “پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ باتۇرلۇقى”

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام شۇ دەرىجىدە باتۇر ۋە قورقماس جەسۇر ئىدىكى، باتۇرلۇق بىلەن شۆھرەت قازانغان كىشىلەر مۈشكۈل پەيتلەردە قاچقان چاغدىمۇ، رەسۇلۇللاھ ئۆز ئورنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇراتتى. بەلكي تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەيتتى ، ئارقىغا چىكىنمەيتتى. قالتىس باتۇرلارنىڭمۇ مۇھىم پەيىتلەردە قاچقان ياكى خاتالىق سادىر قىلغان چاغلىرى بولغان پەقەت رەسۇلۇللاھلا بۇنداق نۇقسانلاردىن پۈتۇنلەي خالى ئىدى. ئەلى: بىز ئەڭ مۈشكۈل پەيتلەردە رەسۇلۇللاھقا ئىلتىجا قىلاتتۇق، جەڭ مەيدانلىرىدا رەسۇلۇللاھ دۈشمەنگە ئەڭ يېقىن ئۇرۇندا تۇراتتى» دېگەن.

ئەنەس: «بىر كۈنى كىچىسى مەدىنە خەلقى تەشۋىشلىك بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ دۈشمەن ھۇجۇم قىلدى دەپ قۇراللىنىپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئاتلاندى. ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن ئىلگىرى چىققان بولۇپ ئەبۇتەلھەنىڭ ياۋىداق ئېتىغا مىنىپ قىلىچىنى ئاسقان ھالدا ئاللىقاچان ئەھۋالنى ئېنىقلاپ «قورقماڭلار! قورقماڭلار» دەپ قايتىپ كېلىۋاتاتتى»، دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ھاياسى ۋە ئۇياتچانلىقى

بۆلۈم: “پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ھاياسى ۋە ئۇياتچانلىقى”

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام تولىمۇ ھايالىق ئىدى. كىشىلەرنىڭ ئەيىپ-نۇقسانىلىرىنى كۆرمەسكە سالاتتى. ئەبۇ سەئىد خۇدۇرى: «رەسۇلۇللاھ يۈزى ئېچىلمىغان قىزدىنمۇ بەكرەك ھايالىق ئىدى، ئۇنىڭ بىرەر ئىشنى ياقتۇرمىغانلىقىنى چىرايىدىن بىلگىلى بولاتتى»دېگەن.

بىر ئادەمنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ ئالىيىپ قارىمايتتى، ئۆڭى سۈزۈك يۈزى تۆۋەن ئىدى. كۆپىنچە ھاللاردا يەرگە قاراپراق تۇراتتى، ئۇنىڭ نەزىرى مۇلاھىزە بىلەن ئۆتەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېسىل ئالىي جاناپلىقىدىن كىشلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشنى يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ ئېيتمايتتى. باشقىلارنىڭ بىرەر يامان گىپىنى ئاڭلىسا پالانى مۇنداق قىپتۇ دەپ ئىسمىنى ئاتىماستىن بەلكى مۇنداق قىلغانلارمۇ بار دەپ شۇ ئىشنى چەكلەيتتى.

ئۇنىڭغا پەرەزدەقنىڭ تۆۋەنىدىكى شىئىرى بەكمۇ ماس كېلىدۇ:

يۇمار كۆزنى ھاياسىدىن

تەبەسسۇمسىز ئېغىز ئاچماس

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئادىللىقى

بۆلۈم: “پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئادىللىقى”

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ناھايىتى ئادىل، ئىپپەتلىك، لەۋزىدە تۇرىدىغان، راستچىل ۋە ئىشەنچىلىك ئىدى. ئۇنىڭ بۇ پەزىلىتىنى دۈشمەنلىرىمۇ ئىتراپ قىلغان. ئۇ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى كىشلەر ئۇنى ئەمىن(ئىشەنچىلىك) دەپ ئاتىشاتتى ۋە ئۇنىڭ ئايرىغان ھۆكۈملىرىگە رازى بولۇشاتتى.

ئىمام تىرمىزى ئەلىيدىن نەقىل قىلىپ: ئەبۇ جەھىل رەسۇلۇللاھقا: «بىز سىنى ئىنكار قىلمايمىز، بەلكى سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى (يەنى دىننى) ئىنكار قىلىمىز»، دېگەنىدى، بۇ چاغدا ئاللاھ: «فَإِنَّھُمْ لاَ يُكَۇِّبُونَكَ وَلَكِنَّ الئَّالِمِينَ بِژيَاتِ اللّھِ يَجْچَدُونَ » تەرجىمىسى:« ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ» (سۈرە ئەنئام 33- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلدى.

ھىرەقلى (رۇم پادىشاھى) ئەبۇ سۇفياندىن: «ئۇنى مۇشۇ (پەيغەمبەرلىك ھەققىدىكى) گەپلەرنى دېيىشنىڭ ئالدىدا يالغانچىلىق بىلەن ئەيىپلىگەنمۇ؟» دەپ سورىغاندا ئەبۇ سۇفيان قەتئى قىلىپ: «ياق»، دەپ جاۋاب بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى

بۆلۈم: “پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى”

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ناھايىتى كەمتەر بولۇپ، تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىقلاردىن خالىي كىشى ئىدى. ئۇ پادىشاھلارنى ئۇلۇغلاپ ئورنىدىن تۇرغاندەك، ئۆزى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشنى يامان كۆرەتتى. ئاجىز-مىسكىنلەرنى يوقلايتتى، غېرىپ-غۇرۋالار بىلەن بىللە ئولتۇراتتى. قۇل چىللىسىمۇ باراتتى، ساھابىلىرى بىلەن شۇلارنىڭ ئىچىدە بىر كىشى سۈپىتىدە ئولتۇرۇپ قوپاتتى. ئائىشە: «رەسۇلۇللاھ ئايىغىنى يامايتتى، كىيىمىگە ياماغلىق سېلىپ كىيەتتى. ئۇ ئائىلە ئىشلىرىنى سىلەرگە ئوخشاشلا قىلاتتى، قوينى سېغىپ بىرەتتى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى» دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ۋاپادارلىقى

بۆلۈم: “پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ۋاپادارلىقى”

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ناھايىتى ۋاپادار، سىلە رەھىملىك، شەپقەتلىك، مېھرىبان، كىشىلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىغان زات ئىدى. ئۇ چىقىشقاق، ئەدەپلىك، مىجەزى ئوڭلۇق، ئەدەپ-ئەخلاققا يات ئىشلاردىن يىراق ئىدى. قىلىقى سەت، ئەدەپسىز، لەنەتخور، رەستىلەردە سۆرۈن سالغۇچى ئەمەس ئىدى. يامانلىققا يامانلىق قىلمايتتى، بەلكى يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرەتتى. ئەپۇ قىلاتتى، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ كەينىدىن ماڭغىلى قويمايتتى. يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچەك كىيىشتە قۇل-چۆرىلىرىدىن ئالاھىدە بولۇۋالمايتتى. خىزمىتىنى قىلغان كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلاتتى. خىزمەتچىسىگە «ئىھ (ئىسىت)» دېمەيتتى. بىر ئىشنى سەھۋەنلىك بىلەن قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تاپا-تەنە قىلمايتتى. ئۇ مىسكىن بىچارىلەرنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنىڭ دەرد-ئەھۋالنى ئاڭلايتتى، جىنازا نامىزىغا ھازىرلىق قىلاتتى، كەمبەغەل نامراتلارنى تۆۋەن كۆرمەيتتى.

ئۇ بىر قېتىم سەپەردە ھەمراھلىرى بىلەن تاماق تەييارلاشقا توغرا كەلگەندە بىرى: «مەن قوينى بوغۇزلاي»، دېگەن، يەنە بىرى: «مەن سۇيۇپ پارچىلاي»، دېگەن. ئۈچىنچى بىرى مەن پۇشۇراي دېگەن، رەسۇلۇللاھ: «مەن ئوتۇن تىرىپ كىلەي»، دېگەن. بۇ چاغدا ئۇلار: «ئۇنىمۇ بىز قىلىمىز»، دېگەندە رەسۇلۇللاھ: «قىلىدىغانلقىڭلارنى بىلىمەن، ئەمما مەن سىلەردىن ئالاھىدە بولۇۋېلىشنى خالىمايمەن، ئاللاھ بەندىسىنىڭ ئۆز ھەمراھلىرىدىن ئالاھىدە بۇلۇۋېلىشنى ياقتۇرمايدۇ»، دېگەن ۋە بېرىپ ئوتۇن تىرىپ كەلگەن.

ئىبنى ئەبى ھالە رەسۇلۇللاھنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ ھەمىشە خىيالچان، دائىم تەپەككۇر ئىلكىدە يۈرەتتى. كۈلۈپ يايرىمايتتى. ئورۇنسىز سۆزلىمەيتتى، كۆپىنچە ھاللاردا سۈكۈت قىلاتتى، بىر گەپنى باشلىسا تولۇق ئاياغلاشتۇراتتى. ئىخچام، مەزمۇنلۇق، بىھۇدە گەپتىن خالى كەمكۈتسىز ئۇقۇملۇق قىلىپ سۆزلەيتتى.

مۇلايىم،خۇش پېئىل، ئىدى. قوپال توڭمۇ ئەمەس، يۇۋاش، يۇمشاقمۇ ئەمەس ئىدى. ھەر قانداق نىئمەتنى كىچىك ئاز بولسىمۇ قەدىرلەيتتى، ئەيىپقا بۇيرىمايتتى، بىرخىل تاماقنى ئەتىۋارلاپ، يەنە بىر خىلنى سوكمەيتتى. ئۆزى ئۈچۈن ئۆچ ئالمايتتى، پەقەت ھەقىقەت دەخلى تەرۇغا ئۇچرىسا، ھەق ئۆز جايىغا قارار تاپمىغۇچە غەزىپىنى باسقىلى بولمايتتى، ئىشارە قىلسا پۇتۇن ئالىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى. بىر ئىشتىن ئەجەپلەنسە ئالقىنىنى پۇلاڭلىتاتتى، غەزىپى كەلسە يۈزىنى باشقا ياققا بۇرۇۋالاتتى. شادلانسا كۆزى يۇمۇلۇپ كېتەتتى، كۈلسە تەبەسسۇم بىلەن كۈلەتتى-دە چىشلىرى مۆلدۈردەك پارقىراپ كېتەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بىمەنە ئىشلاردىن تىلىنى يىغاتتى، ساھابىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇراتتى، ھەرگىزئارىغا ئارازلىق سالمايتتى. ھەر قەۋمنىڭ كاتتىسىنى ھۆرمەتلەيتتى ۋە ئۇنى شۇلارغا باشلىق قىلىپ قوياتتى، كىشىلەرنى چىرايىنى تۈرمەي، مىجەزىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئاگاھلاندۇراتتى. ئۇ ناھايىتى ئىھتىياتچان ئىدى. ساھابىلارنى يوقلاپ تۇراتتى، كىشىلەردىن ئەل ئارىسىدىكى ئىشلارنى سوراپ تۇراتتى. ياخشى ئىشلارنى قوللاپ قۇۋەتلەيتتى، يامان ئىشلاردىن سەسكەندۈرۈپ ئۇنى قامچىلايتتى.

ھەرىكىتى مۆتىدىل قارمۇ-قارشى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەممە ئىشنىڭ ئەندىزىسى بار بولۇپ توغرا ئىشتىن قۇسۇر چىقارمايتتى. ھەقنى تۇتىمەن دەپ ھەددىدىن ئاشۇرمايتتى. ياخشى ئادەملەر بىلەن يېقىن ئۆتەتتى، ئۇنىڭ نەزىرىدە ياخشىلىقى كۆپ كىشىلەر ئەڭ پەزىلەتلىك ئادەملەر ھېسابلىناتتى، كەڭ قول ئالىي-جاناب ئىسل كىشلەرنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرەتتى.

رەسۇلۇللاھ ئولتۇرسا-قوپسا، زىكرى تەسبىھ بىلەن ئولتۇرۇپ قوپاتتى. ئۆزىگە ئالاھىدە بىر ئورۇن ئىگەللىمەيتتى. بىر قەۋمنىڭ مەجلىسىگە بارسا توغرا كەلگەن يەردە ئولتۇراتتى ۋە شۇنداق قىلىشنى تەكىتلەيتتى. ھەر بىر سۆھبەتدېشىغا ئۆزىگە لايىق ئورۇن بىرەتتى، ھەتتا ئۇنىڭ سوھبەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى «رەسۇلۇللاھ مېنى ھۆرمەتلىدى» دېگەن ھېسسىياتتا بولاتتى. ئۇ ھاجەتمەن بولۇپ كەلگەن ئادەمنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتەتتى تاكى شۇ كىشى قايتمىغۇچە رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ يېنىدىن قوپۇپ كەتمەيتتى. بىرەر نەرسە سوراپ كەلگەن كىشىگە ھاجىتىنى راۋا قىلاتتى ياكى چىرايلىق گەپ ياكى ۋەدە بىلەن قايتۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ مىجەزى شۇ دەرىجىدە يېقىملىق ۋە ئوڭلۇق ئىدىكى ئۇ كىشىلەرگە ئۆز ئاتىسىدەك تۇيۇلاتتى. رەسۇلۇللاھقا نىسبەتەن ھەقىقەت ئالدىدا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى باپباراۋەر ئىدى. تەقۋادارلىق بىلەن پەرقلىنەتتى. ئۇنىڭ مەجلىسى ئىللىقلىق، ھايا-ھۆرمەت، سەبرىچانلىق ۋە ۋاپادارلىق مەجلىسى بولۇپ سۈرەن، چۇقان، كۆتۈرۈلمەيتتى، ھايا ھۆرمەت ئاياغ ئاستى قىلىنمايتتى (يەنى ھۆرمەتسىزلىك كۆرۈلمەيتتى). تەقۋادارلىق بىلەن مېھرى مۇھەببەت ئاساسىي ئورۇننى ئىگەللەيتتى. چوڭلار ھۆرمەتلىنەتتى. كىچىكلەر قەدىرلىنەتتى، ھاجەتمەنلەر تارتۇقلىنىپ، غېرىپ-غۇرۋالار ئۇلپەتلەندۈرەلەتتى.

پەيغەمبەر ئەليھىسسالام يەنە ھەمىشە ئۇچۇق چىراي، خۇشخۇي، مۇلايىم ئىدى. ئۇ توڭ، قوپال، سۈرەن سالىدىغان ئەدەپسىز، ھەددىدىن زىيادە ئەيىپلىگۈچى ۋە مەدھىيىلىگۈچى ئەمەس ئىدى. نامۇۋاپىق ئىشلارنى كۆرمەسكە سالاتتى. ئەمما، ئۇنىڭغا يول قويغانلىقتىن ئەمەس ئىدى، ئۆزىنى ئۈچ ئىشتىن: «رىياخورلۇق، ئاچكۆزلۇك ۋە پايدىسىز ئىشلاردىن خالى تۇتاتتى ۋە كىشىلەرنىمۇ ئۈچ ئىشتىن ئايىغانىدى، بىراۋنى سۆكمەيتتى، ئەيىبلىمەيتتى، ئەيىبىنى كوچىلىمايتتى، بىھۇدە گەپ قىلمايتتى. رەسۇلۇللاھ سۆز قىلغاندا سۆھبەتداشلىرى گويا باشلىرىغا قۇش قۇنغاندەك جىم تۇرۇشاتتى. ئۇ توختىسا ئاندىن ئۇلار سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ۋاراڭ-چۈرۈڭ بولمايتتى. بىرسى گەپ قىلسا باشقىلار تىڭشايتتى، ساھابىلەر كۈلگەن ئىشتىن رەسۇلۇللاھمۇ كۈلەتتى، ئەجەبلەنگەن ئىشتىن ئەجەبلىنەتتى. سۆزدە قۇپال ئېيتقۇچىلارغا سەبر قىلاتتى، ئۇ: ھاجەتمەننى كۆرسەڭلار ھاجىتىدىن چىقىڭلار! دەيتتى. ئۇ مۇكاپات ئالغانلارنىڭ رەھمىتىنى قوبۇل قىلاتتى.

خارىجە ئىبنى زەيىد: «رەسۇلۇللاھ مەجلىسلەردە ئەڭ ۋەزمىن ۋە تەرتىپلىك ئىدى، ئۇ پۇت قوللىرىنى سۇنۇپ ئەدەپسىز ئولتۇرمايتتى، تولاراق سۈكۈت بىلەن جىم تۇراتتى. زۆرۈر بولغاندا سۆزلەيتتى، ياخشى سۆز قىلمىغانلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمايتتى، كۈلسە تەبەسسۇم بىلەن كۈلەتتى. ئارتۇق ياكى كەم سۆزلىمەيتتى، ساھابىلار رەسۇلۇللاھنى ھۆرمەتلەپ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەبەسسۇم بىلەن كۈلىشەتتى» دېگەن.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، رەسۇلۇللاھ ئاجايىپ يۈكسەك كامالەت سۈپەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى مۇشۇ پەزىلەتلەر بىلەن تەربىيىلىگەن ۋە ئۇنىڭغا « وَإِنَّكَ لَىَلۈ خُلُقٍ ىَئِيمٍ » تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» (سۈرە قەلەم 4- ئايەت) دەپ باھا بەرگەن.

دېمەك، مانا بۇلار رەسۇلۇللاھنى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە يېقىنلاشتۇرغان، قەل،بلەرگە سۆيۈملۈك كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا ئەرزىيدىغان قوماندانغا ئايلاندۇرغان، ھەتتا ئۆز خەلقىنىڭ تەرسالىقىنى يۇمشىتىپ ئۇلارنى توپ-توپ بولۇپ، ئاللاھنىڭ دىنغا كىرىشكە سەۋەپ بولغان خىسلەت ۋە پەزىلەتلەردۇر.

بىز بايان قىلغان بۇ خسلەتلەر رەسۇلۇللاھنىڭ كامالەت سۈپەتلىرى ۋە ئۇلۇغۋار پەزىلەتلىرىدىن پەقەت تامچىلاردۇر خالاس. ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بىرىش ۋە ئېسىل خىسلەت ۋە ئالىي جاناپ كامالەت ۋە پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىش قولىمىزدىن كەلمەيدىغان بىر ئىشتۇر. دۇنيادا كامالەت پەللىسېنىڭ ئەڭ يۈقىرى چوقىسىغا يەتكەن ئۆز رەببىنىڭ نۇرىدىن يورۇقلۇق ئالغان ھەتتا ئەخلاقى قۇرئاننىڭ ئۆز ئەينى بولۇپ كەتكەن ئەڭ ئۇلۇغ بىر زاتنىڭ ھەقىقىي تەۋسىپىنى يورۇتۇپ بىرەلىسۇن؟…

ئى ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالاغا ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك رەھمەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيلەشكە لايىق سەن ئۇلۇغدۇرسەن.

ئى ئاللاھ ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بەركەت ئاتا قىلغاندەك مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)غا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن مەدھىيىلەشكە ئەڭ لايىقتۇرسەن، ئۇلۇغدۇرسەن.

— تامام.

ئاخىرقى سۆز

ئەسەر ھوقوقى ئەسلى ئاپتۇر غا تەۋە.

ئەسەرگە نىسبەتەن ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۇزۇلمىدى، پەقەت دىتال ھەجمىنى ئويلۇشۇپ ئارتۇقچە بوش قۇرلارلا ئۆچۇرىۋىتىلدى.

ئىلكىتاب ئىشلىگۇچى: ئۇچقۇن

QQ:86731490

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.