Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

2-قىسىم: مەككە دەۋرى: دەۋەت، مۇشرىكلارنىڭ زۇلۇملىرى ۋە ھەبەشىستان ھىجرىتى

This content is not yet available in your language.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رەسۇلۇللا يەنە مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قەلب چوغىنى ياندۇرۇپ، ئۇلارنى جاھالەتنىڭ قاراڭغۇ زۇلمىتىدىن «ئىمان نۇرى»نىڭ ئوچۇق يورۇقلۇقىغا باشلاپ چىقاتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى ئەزىيەت كۈلپەتلەرگە سەبرى قىلىش، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئەپۇ قىلىش، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىشتىن ساقلىنىش، ئادەملەردە بولىدىغان ئاچكۆزلۈك تەبىئىتىگە خاتىمە بېرىش قاتارلىق تەرەپلەردە چىڭ تۇتاتتى. شۇڭا، ئۇلار دىندا مۇستەھكەم، شەھۋەتپەرەسلىكتىن قول ئۈزگەن، ھەققانىيەت يولىدا پىداكار، جەننەت-بېھىشكە مۇشتاق، ئىلىم مەرىپەتكە تەشنا، دىن ئۆگىنىشكە قىزغىن، ئۆز ئۆزىدىن ھېساب كىتاب قىلىپ تۇرىدىغان، بولمىغۇر ئوي-خىيال ۋە يامان تەبىئىتىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان، ھېسسىياتى ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغان، ھەر خىل ئېگىز-پەس داۋالغۇش ۋە دولقۇنلاردا ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان، سەبرىلىك، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدى.

ئۈچىنچى باسقۇچ — ئىسلام دەۋىتى مەككە سىرتىدا

بۆلۈم: “ئۈچىنچى باسقۇچ — ئىسلام دەۋىتى مەككە سىرتىدا”

بىئسەت (پەيغەمبەرلىك كەلگەن يىلى)نىڭ 10- يىلى شەۋۋال ئېيى (مىلادىيە 619- يىلى 5- ئاينڭ ئاخىرلىرى 6- ئاينىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ)دا رەسۇلۇللاھ تائىفقا چىقتى. تائىف مەككىدىن 100 كىلومېتىردەك كېلەتتى. رەسۇلۇللاھ بۇ يولنى ئازادكەردىسى زەيد ئىبنى ھارىس بىلەن بىللە باشتىن ئاخىر پىيادە باستى. ئۇ يول ئۈستىدە ھەر بىر قەبىلە مەنزىلىدىن ئۆتسە، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلاتتى. ئەمما، ئۇلاردىن بىرمۇ كىشىدىن قوبۇل قىلىش ئەسىرى كۆرۈلمىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ سەپىرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا تائىفقا يېتىپ بېرىپ، سەقىف قەبىلىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئەمرى ئىبنى ئۇمەيرنىڭ ئوغۇللىرى (تائىفنىڭ ھازىرقى كاتتىۋاشلىرى) ئەبدىيالەيل، مەسئۇد ۋە ھەبىيبلار بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىردى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىرى: «ئاللاھ سېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن بولسا، مانا كۆرگىن»، دەپ قولىدىكى كەئبىنىڭ يوپۇق پارچىسىنى يىرتىپ تاشلىۋەتتى. يەنە بىرسى: «ئاللاھ پەيغەمبەر قىلىشقا سەندىن بۆلەك ئادەم تاپالمىغانمىدۇ؟» دېدى. ئۈچىنچىسى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ساڭا گەپ قىلىدىغان ئېغىزىم يوق، ئەگەر سەن راست پەيغەمبەر بولساڭ، ساڭا جاۋاب قايتۇرۇش مەن ئۈچۈن خەتەرلىك. ناۋادا يالغانچى بولساڭ، مېنىڭ ساڭا گەپ قىلىپ يۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇلار بىلەن سۆھبەتنى توختۇتۇپ، ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۇلاردىن بۇ ئىشنى مەككىلىكلەردىن سىر تۇتۇشنى ئۆتۈنۈپ قويۇپ، بۇ يەردىن چىقىپ كەتتى.

رەسۇلۇللاھ تائىفتا ئون كۈندەك تۇردى. ئۇ بۇ جەرياندا تائىفلىقلارنىڭ نوپۇزلۇق ئادىمى دەپ قارالغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭغا ئىسلام توغرىلىق سۆزلىدى. ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك: «يۇرتىمىزدىن چىقىپ كەت!» دېيىشىپ، رەسۇلۇللاھقا قوپال رەددىيە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا بىر ئۇچۇم يالاڭتۆش ئاكتىپلارنى كۈشكۈرتۈپ قويدى. رەسۇلۇللاھ تائىفتىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋىدى، بۇ يالاڭتۆش، ئەسكىلەر ۋە يۈزسىز قۇل-چۆرە، داشقاللار ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ، چۇقان سېلىشىپ، تىللاشقا باشلىدى. ھەتتا تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ، يولنىڭ ئىككى چېتىگە كىشىلەر ئۇقۇپ ياكى ئۇقماي يىغىلىپ، سەپ تارتىپ تۇرۇشۇپ، ئۇدۇلىغا كەلگىنى بىر تەرەپتىن تاش كېسەكلەرنى ئېتىپ، ئېغىزدىن چىققۇسىز سەت گەپلەرنى قىلىپ، رەسۇلۇللاھقا ھاقارەت قىلدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ پۇت ئىزاڭگۇلىقىغا تاش-توقماقلارنى ئېتىپ يېرىۋەتتى. ھەتتا، ئۇنىڭ كەشى قانغا تولدى. زەيد ئىبنى ھارىس رەسۇلۇللاھقا قاياندىن زەربە كەلسە، شۇ تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۆزىنى قالقان قىلىپ، رەسۇلۇللاھنى قوغدايتتى. ھەتتا، ئۇنىڭمۇ كاللا- باشلىرى يېرىلىپ، نەچچە يېرى ئېتىلىپ كەتتى. بۇ ئەقىلسىز بەدبەختلەر داۋاملىق شۇنداق خۇمسىلىق قىلىپ، تائىفتىن 4 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇتبە ۋە شەيبەلەر (مەككىلىك رەبىئە دېگەن كىشىنىڭ ئوغۇللىرى)نىڭ بېغىغىچە قوغلاپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ناھايىتى تەسلىكتە دېمى ئۈزۈلۈپ قالاي، دېگەندە بۇ باغقا كىرىۋالدى. رەسۇلۇللاھ مەككىلىكلەرنىڭ ئىگىلىك دائىرىسىگە كىرىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ نائەھلى شۇم پىشانىلەر قايتىپ كېتىشتى. رەسۇلۇللاھ بۇ باغقا ئۆزىنى ئېلىپ تام تۈۋىگە كېلىپ، بىر تۈپ تال سايىسىدا ھالسىرىغان پېتى ئۆزىنى تاشلىدى ۋە تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، نەپسى ئازراق جايىغا چۈشۈۋىدى، تارتقان جەۋرى-جاپالىرىغا ئىچى سىقىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرمۇ ئادەم ئىمان ئېيتىپ، نەتىجە قازىنالمىغانلىقىغا دىلى قاتتىق ئاھانەت تارتقانلىقىنى ئىزھار قىلىپ مەشھۇر دۇئاسىنى ئوقۇدى: «اللھم اليك اشكو گىف قوتي و قلە چيلتي و ھواني ىلۈ الناس يا ارچم الراچمين انت رب المستگىفين و انت ربي الي من تكلني؟ الۈ بىيد يتجھمني؟ ام الۈ ىدو ملكتھ امري؟ ان لم يكن بك ىلۈ غگب فلا ابالۈ و لكن ىافيتك ھي اوسى لي اىوۇ بنور وجھك الۇي اشرقت لھ الئلمات وپلچ ىليھ امر الدنيا والاخرە من ان تنزل بي غگبك او يچل ىلي سخطك لك الىتبي چتۈ ترگۈ ولا چول ولا قوە الا بك» «ئى ئاللاھ! مەن ساڭا ئۆزۈمنىڭ كۈچ قۇۋۋەتسىز، ئاجىزلىقىمنى، ئامالسىز قالغانلىقىمنى ۋە خەلقلەر ئارىسىدا خارۇ-زار بولغانلىقىمنى شىكايەت قىلىمەن، ئى مېھرىبان ئاللاھ! سەن ئاجىزلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇرسەن ۋە مېنىڭمۇ پەرۋەردىگارىمدۇرسەن، مېنى كىمگە تاپشۇرىسەن؟ مېنى يىراق (يەنى ناتۇنۇش يات)قىمۇ؟ ياكى مېنىڭ ئىشىمغا چاڭ سېلىۋالغان دۈشمەنگىمۇ؟ ئەگەر سېنىڭ ماڭا غەزىۋىڭ بولمىسىلا، ھېچ ۋەقەسى يوق. لېكىن، سېنىڭ تىنچ ئامانلىق ئاتا قىلىشىڭ ماڭا ھەممىدىن چوڭ كەڭچىلىكتۇر. قاراڭغۇ زۇلمەتلەرنى يورۇتقان دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغان ئۇلۇغ زاتىڭنىڭ نۇرى بىلەن ماڭا غەزىۋىڭ تېگىشىدىن ياكى مەن سېنىڭ جازالىشىڭغا ئۇچراپ قېلىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن. يامان ئىشلاردىن ساقلىنىش، ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق بولۇش پەقەت سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا مۇمكىندۇر، ئى ئاللاھ!».

باغ ئىگىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئىچى سېرىلدى ۋە ئەدداس ئىسىملىك بىر خرىستىئان چاكىرىنى چاقىرىتىپ، رەسۇلۇللاھقا بىر ساپ ئۈزۈم ئاپىرىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. ئەدداس ئۈزۈمنى ئۈزۈپ كېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا قويۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۈزۈمگە «بسم اللھ»، دەپ قول ئۇزاتتى ۋە ئاندىن يېيىشكە باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغان ئەدداس: «بۇ كەلىمە (سۆز)نى بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى دېمەيدۇ؟»، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن: «سنېىڭ يۇرتۇڭ قەيەر؟ قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىسەن؟» دەپ سورىدى. ئەدداس: «مەن ئۆزۈم خرىستىئانمەن، نەينۋادىن»، دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ: «سالىھ بەندە يۇنۇس ئىبنى مەتتانىڭ يۇرتىدىن ئىكەنسەن»، دېۋىدى، ئەدداس: «يۇنۇس ئىبنى مەتتانى قانداق بىلىسەن؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇ دېگەن مېنىڭ مەسلەكداش قېرىندىشىم بولىدۇ، ئۇمۇ پەيغەمبەر بولغان، مەنمۇ پەيغەمبەر»، دەپ جاۋاب بەردى. ئەدداس بۇنى ئاڭلاپ رەسۇلۇللاھنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ، ئۈستى باشلىرىغا سۆيۈپ كەتتى، ئايىغىغا يېقىلىپ، پۇتلىرىنى قۇچاقلاپ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسىنى بىلدۈردى.

بۇ چاغدا رەبىئەنىڭ ئوغۇللىرى بىر-بىرىگە قارىشىپ: «مانا قارا، ئۇ چاكىرىڭنى بۇزۇپ بەرگىلى قوپتى» دېيىشتى. ئەدداس قايتىپ كېلىۋىدى، ئۇلار ئەدداسقا: «قويە سېنى، بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟» دەپ ئاچچىقلاندى. ئەدداس ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ: «خوجىدار! يەر يۈزىدە بۇ ئادەمدىن ئۇلۇغ كىشى يوق، ئۇ ماڭا پەيغەمبەردىن ئۆزگە ئادەم بىلمەيدىغان بىر ئىشنى خەۋەر قىلدى»، دېدى. ئۇلار ئەدداسقا: «ئى ئەدداس! ئۇ سېنى ئۆز دىنىڭدىن يۈز ئۆرۈتۈپ قويمىسۇن، ھەر قاچان سېنىڭ دىنىڭ ئۇنىڭ دىنىدىن ياخشى»، دەپ نەسىھەت قىلىشتى.

رەسۇلۇللاھ باغدىن چىقىپ مەككىگە قاراپ راۋان بولدى. ئۇ ناھايىتى دىلى سۇنۇق، غەمكىن، پەرىشان ئىدى. ئۇ بىر چاغدا قەرنۇلمەنازىل دېگەن يەرگە يېتىپ كېلىۋىدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالامنى تاغ مۇئەككىلى پەرىشتىسى بىلەن مەككىلىكلەرنى «ئەخشەبەين» گە باستۇرۇۋېتىشكە مەسلىھەت سېلىشقا ئەۋەتتى.

ئىمام بۇخارى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئارقىلىق ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا)دىن رىۋايەت قىلدى. ئائىشىنىڭ ئۇرۋىگە سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ رەسۇللاھقا مۇنداق دېگەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ساڭا ئۇھۇد ئۇرۇشىدىكىدىنمۇ دىشۋارراق بىر كۈن كەلگەنمۇ؟» رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «مەن سېنىڭ قەۋمىڭ تەرىپىدىن شۇنداق ئېغىر كۈلپەتلەرگە يولۇققانكى، ئۇنىڭ ماڭا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر بولغىنى ئەقەبە كۈنىدىكى ئىش بولدى، مەن ئۇ چاغدا ئەبيالەيل ئىبنى كولالغا مېنى ھىمايىسىگە ئېلىشنى ئۆتۈنگەنىدىم. ئۇ مېنىڭ ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن (قاتتىق قايغۇ ئەلەم ئىچىدە) قايسى ياققا ماڭغىنىمنى ئاڭقىرالماي مېڭىپ كېتىپتىمەن، بىر ھازادىن كېيىن ھوشۇمغا كەلسەم، قەرنۇسسەئالىپ (ھازىرقى قەرنۇلمەنازىل) قا كېلىپ قاپتىمەن. بېشىمنى كۆتەرسەم، بىر پارچە بۇلۇت ئۈستۈمدە ماڭا سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ. قارىسام ئۇنىڭدا جىبرىئىل تۇرىدۇ، ئۇ ماڭا نىدا قىلىپ: ‹ئى مۇھەممەد! ئاللاھ سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ ساڭا دېگەن سۆزلىرىنى ۋە ساڭا قايتۇرغان قوپال رەددىيىلىرىنى ئەلۋەتتە ئاڭلىدى ۋە ساڭا تاغ مۇئەككىلى پەرىشتىلىرىنى مۇسەخخەر (بويسۇندۇرۇپ) قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇنى ئۆزۈڭ خالىغان ئىشقا بۇيرىغىن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا تاغ مۇئەككىلى پەرىشتە نىدا قىلدى ۋە سالام بېرىپ ئېيتتىكى: ‹ئى مۇھەممەد! ئەھۋال شۇ، نېمىنى خالايسەن؟ مەككىدىكى ئەبىلقوبەيس تېغى بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى قەئىقئان تېغىنى دۈم كۆمتۈرىمەن›، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: ‹بەلكى، مەن ئاللاھتىن ئۇلارنىڭ سۇلبىدىن ئاللاھنى بىر بىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان، شېرىك كەلتۈرمەيدىغان ئەۋلادلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن›، دېدىم»، دېگەن.

رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ جاۋابىدا ئۇنىڭ تەڭداشسىز، گىگانت شەخسىيتى، كىشى تونۇپ يەتكىلى بولمايدىغان ئالىجاناپ ئەخلاق-پەزىلىتى ئىنسانپەرۋەر ئالاھىدىلىكى كۆرۈنۈپ تۇتۇپتۇ.

بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ قايتا ھۇشىغا كەلگەندەك بولدى ۋە بىر ئاز ئۈمىدۋارلىققا چۆمدى يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىن كەلگەن بۇ غەيبى ياردەم ۋە مەدەتلەر بىلەن ئۇنىڭ قەلبى خېلىلا تەسكىن تېپىپ قالدى.

ئۇ مەككىگە قاراپ يول ئالدى، بىر چاغدا ۋادى نەخلىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇردى. ۋادى نەخلىدە ئىقامەت قىلىشقا ئەپلىك ئىككى جاي (بىرى چوڭ ئېقىن بويى ۋە يەنە بىرى زەيمە دېگەن جاي) بار ئىدى. چۈنكى، بۇ ئىككى جايدا سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر خېلى مول بولۇپ، بىز ھازىرچە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئىككى جاينىڭ قايسى بىرىدە ئىقامەت قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان مۇكەممەل بىر تارىخىي ماتېرىيالغا ئېرىشەلمىدۇق. ھەر ھالدا رەسۇلۇللاھ ۋادى نەخلىدە ئىقامەت قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر قانچە نەپەر جىننى ئۆز قەۋملىرىگە ۋاكالىتەن ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. ئاللاھ بۇلارنى قۇرئاندا ئىككى ئورۇندا زىكرى قىلدى. بىرى سۈرە ئەھقافتا: ﴿و اۇ پرفنا اليك نفرا من الجن يستمىون القران …﴾ «(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر-بىرىگە): ‹جىم تۇرۇڭلار›، دېيىشتى. قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى. ئۇلار ئېيتتى: ‹ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق، ئى قەۋمىمىز! ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام)نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھقاف29 — 31- ئايەتلەر)

يەنە بىرى، سۈرە «جىن»دا ﴿قل اوچي الي انھ استمى نفر من الجن فقالوا انا سمىنا قرژنا ىجبا○ يھدي الۈ الرشد فامنا بھ ط ولن نشرك بربنژ اچدا …﴾: «(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (مەندىن قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھىي قىلىندى، ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئېيتتى: ‹بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق›، ○ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز…». («قۇرئان كەرىم» سۈرە جىن 1 — 15- ئايەتلەر).

مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن (ۋە شۇنىڭدەك مۇشۇ ۋەقە توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىدىن) قارىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ بىر قانچە نەپەر جىنلارنىڭ ئۇنىڭ قېشىغا ھازىر بولغانلىقىنى ئۇقمىغانلىقى، ئۇنى كېيىن ئاللاھ مۇشۇ ئايەتلەر بىلەن خەۋەر قىلغاندا ئاندىن بىلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم ھازىرلىق قىلىشى تېخى تۇنجى قېتىم ئىكەنلىكى ئاشكارا بولىدۇ ۋە رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ جىنلارنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن بىر قانچە قېتىم ئەلچى بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

بۇ ۋەقە ئاللاھ ئۆزىنىڭ غائىپ قوشۇنلىرى ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا قىلغان زور ياردىمى ۋە مەدەدى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا مۇشۇ ۋەقەنى چۆرىدىگەن ھالدا نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ داۋامىدا پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ بۇ دەۋىتى چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقى ۋە ھېچقانداق بىر دۈشمەن كۈچ بۇ دەۋەتنىڭ غەلىبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قەتئىي توساپ قالالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىشارەت ۋە بېشارەتلەر بېرىلگەن. ﴿ومن لا يجب داىي اللھ فليس بمىجز في الارگ و ليس لھ من دونھ اولياء اولېك في گلال مبين …﴾ «كىمكى ئاللاھقا (ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا ئازابتىن قېچىپ قوتۇلالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ. ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھقاپ 32- ئايەت) ۋە ﴿انا ئننا ان لن نىجز اللھ في الارگ و لن نىجزھ ھربا …﴾ «بىز جەزمەن ئىشەندۇقكى، ئاللاھنى (ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن) ھەرگىز ئاجىز قىلالمايمىز، ئۇنىڭ (ئازابى)دىنمۇ قېچىپ قوتۇلالمايمىز» («قۇرئان كەرىم» سۈرە جىن 12- ئايەت).

مانا بۇ غەلىبە ۋە بۇ بېشارەتلەر ئالدىدا (رەسۇلۇللاھ تائىفتىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن بېرى) ئۇنىڭ كۆڭۈل ئاسمىنىنى قاتمۇقات قاپلىۋالغان قارا تۇمانلار ئاستا-ئاستا زايىل بولۇشقا باشلىدى. ئۇ كۆپ ئىككىلەنگەندىن كېيىن ئاخىرى مەككىگە قايتىپ ئىسلام دەۋىتىنى ئەسلىدىكى يۆنىلىش بويىچە قايتا باشلاش ۋە ئاللاھنىڭ ئەبەدىلىك ئەلچىلىكىنى خەلقى ئالەمگە يەتكۈزۈش ئىشىنى يېپيېڭى جۇشقۇن روھ بىلەن تېخىمۇ ياخشى جانلاندۇرۇش قارارىغا كەلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا زەيد ئىبنى ھارىس: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلارنىڭ قېشىغا قانداق كىرەلەيسەن؟ ئۇلار (يەنى قۇرەيشلەر) سېنى چىقرىپ تاشلىغان تۇرسا؟» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئى زەيد! ئاللاھ تائالا ساڭا مۈشكۈل كۆرۈنگەن بۇ ئىشلارغا چوقۇم چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ چوقۇم ئۆز دىنىنى غالىب قىلىدۇ ۋە ئۆز پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ»، دېدى. ئاندىن ئاتلىنىپ داۋاملىق يول يۈرۈپ، مەككىگە يېقىنلاپ كېلىپ، ھىيرا دېگەن جايغا چۈشتى ۋە خۇزائە قەبىلىسىدىن بىر ئادەمنى ئەخنەس ئىبنى شۇرەيقكە ئۆزىنى پانالىققا ئېلىشقا ئۆتۈنۈپ ئەۋەتتى. ئۇ: «مەن قۇرەيشلەرنىڭ ئىتتىپاقدىشى، ئىتتپاقداشلار بىر-بىرىگە باشپاناھ بولالمايدۇ»، دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سۇھەيل ئىبنى ئەمرىنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىۋىدى، سۇھەيل: «بەنى ئامىر جەمەتى بەنى كەئەب جەمەتىگە پاناھلىق بېرەلمەيدۇ»، دەپ جاۋاب قايتۇردى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن مۇتئىم ئىبنى ئەدىيگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆزىنى پاناھلىقىغا ئېلىشنى ئۆتۈنۈۋىدى، مۇتئىم قوشۇلدى ۋە ھەربىي ياراغلىرىنى ئېلىپ، قوراللىنىپ ئەھلى ئەۋلاد ۋە قەۋمى جامائەت ئەزالىرىنى ھەمدەمدە بولۇشقا چاقىردى ۋە : «ھەممىڭلار قوراللىنىپ، بەيتۇللاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇڭلار، مەن مۇھەممەدگە پاناھلىق بەردىم»، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھقا: «كىرگىن»، دەپ ئادەم ئەلۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ زەيد ئىبنى ھارىس بىلەن بىللە مەككىگە كىردى. ئۇ بەيتۇللاھقا يېقىنلاپ كەلگەندە، مۇتئىم تۆگىسىگە مىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن توۋلاپ: «ئى قۇرەيش خەلقى! مەن مۇھەممەدكە باشپاناھ بولدۇم، ھېچكىم ئۇنىڭغا چېقىلمىسۇن»، دەپ ئېلان قىلدى. رەسۇلۇللاھ رۇكنى (بەيتۇللاھنىڭ بوسۇغا تېمى)غا يېتىپ بېرىپ، ئۇنى بۇسە قىلدى ۋە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. مۇتئىم ئىبنى ئەدىي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىنى قوراللىق قورشاپ، ھەتتا ئۆيىگە قەدەر بىللە ئاپىرىپ قويدى.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەبۇ جەھىل مۇتئىم ئىبنى ئەدىيدىن: «سەن ئۇنى قوللىغۇچىمۇ؟ (يەنى مۇسۇلمان بولدۇڭمۇ) ياكى باشپاناھ بولدۇڭمۇ؟» دەپ سورىغان. مۇتئىم: «باشپاناھ بولدۇم»، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ جەھىل: «سېنىڭ باشپاناھلىقىڭغا ھۆرمەت قىلىمىز» دەپ جىمىپ قالغان.

رەسۇلۇللاھ مۇتئىم ئىبنى ئەدىينىڭ بۇ ياخشىلىقىنىڭ تۇزىنى ساقلىغان. شۇڭا، ئۇ بەدرىدە ئەسىر ئېلىنغانلار ھەققىدە: «ئەگەر مۇتئىم ئىبنى ئەدىي ھايات بولۇپ بۇ سېسىقلار ھەققىدە ماڭا گەپ قىلغان بولسا ئىدى، بۇلارنى ئاشۇنىڭ يۈزىدىن بولسىمۇ ئەلۋەتتە قويۇۋېتەتتىم»، دېگەن.

دەۋەتنى قەبىلە ۋە شەخسلەرگىچە كېڭەيتىش

بىئسەتنىڭ 10- يىلى زۇلقەئدە ئېيى (مىلادىيە 619- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرى 7- ئاينىڭ باشلىرى)دا رەسۇلۇللاھ ئىسلام دەۋىتىنى يېڭىباشتىن قايتا جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنى قەبىلىلەر ۋە شەخسلەرگىچە كېڭەيتىش مەقسىتىدە مەككىگە قايتىپ كەلدى.

ھەج مەۋسۇمى يېقىنلاپ كەلگەن بولغاچقا، كىشىلەر مەخسۇس پەرۋىش قىلىپ ئورۇقلىتىلغان تۆگىلىرىگە مىنىشىپ، تەرەپ تەرەپتىن ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ۋە ئۆزلىرىگە پايدىلىق ئىشلارغا قاتنىشىش ۋە بەلگىلىك كۈنلەردە ئاللاھقا زىكرى ئېيتىش ئۈچۈن توپ-توپ بولۇپ مەككىگە كېلەتتى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر قايسى قەبىلە ھاجىلىرى چۈشكەن ئۆتەڭلەرگە بىرمۇبىر بېرىپ بىئسەتنىڭ 4- يىلىدىن كېيىنكى ئادىتى بويىچە ئۇلارغا ئىسلام دىنىنى توغرا قىلىپ تونۇشتۇرماقچى ۋە دەۋەت دائىرسىنى كەڭەيتمەكچى بولدى.

ئىسلام دىنى تونۇشتۇرۇلغان قەبىلىلەر

زۆھرى مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بىرمۇبىر بېرىپ ئىسلامغا دەۋەت قىلغان ۋە ئۆزىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشنى ئۆتۈنگەن قەبىلىلەردىن بىزنىڭ ئۇقۇشىمىزچە، بەنۇ ئامىر ئىبنى سەئسەئە، مۇھارىب ئىبنى خەسفە، بەنى پەزارە، غەسسان، مۇررە، ھەنىيفە، سۇلەيم، ئەبەس، بەنى نەسىر، بەنى بەككائ، كىندە، كەلب، ھارىس ئىبنى كەئب، ئۇزرە ۋە ھەزارىمە قاتارلىقىلار بار بولۇپ، ئۇلاردىن بىرمۇ ئادەم دەۋەتنى قوبۇل قىلمىغان».

زۆھرى تىلغا ئالغان يۇقارقى قەبىلىلەرگە ئىسلام دەۋىتىنىڭ توغرا قىلىنىشى بىر يىل ياكى بىر ھەج مەۋسۇمىدا ئېلىپ بېرىلغان بولماستىن، بەلكى بىئسەتنىڭ 4- يىلىدىن باشلاپ ھىجرەتنىڭ ئالدىنقى ھەج مەۋسۇمىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى مەزگىللەردە توغرا قىلىنغان. مەلۇم بىر قەبىلىگە ئىسلام دەۋىتى پالانى يىلى يەتكۈزۈلگەن دەپ مۇئەييەن بىر يىلنى مۇقىملاشتۈرۈش توغرا ئەمەس.

شۇنداق بۇ يەردە يەنە ئەللامە مەنسۇر فورى بىئسەتنىڭ 10- يىلى ھەج مەۋسۇمىدا ئىسلام دەۋىتى يەتكۈزۈلگەن دەپ بىر قانچە قەبىلىنىڭ ئىسىملىكىنى مۇقىملاشتۇردى. ئىبنى ئىسھاق ئاشۇ قەبىلىلەرگە ئېلىپ بېرىلغان دەۋەتنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابىنى زىكرى قىلدى. تۆۋەندىكى ئۇنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر:

1. بەنۇ كەئب قەبىلىسى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەنى ئابدۇللاھ دەپ ئاتىلىدىغان بىر جەمەت كىشىلەرنىڭ چۈشكەن ئۆتىڭىگە كېلىپ ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ئۆزىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆتۈندى. ھەتتا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «ئى بەنى ئابدۇللاھ جەمەتى! ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاتاڭلارنىڭ نامىنى بىر چىرايلىق نامدا قىلدى»، دەپ ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتقان بولسىمۇ، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىدى.

2. بەنۇ ھەنىيفە قەبىلىسى. رەسۇلۇللاھ بۇ قەبىلە چۈشكەن مەنزىلگە بېرىپ ئۇلارنى ئاللاھ تەرىپىگە چاقىرغان ۋە ئۇلاردىن ئۆزىنى قوللاشنى ئۆتۈنگەن. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تەكلىپىنى شۇنداق رەت قىلغانكى، ھېچقانداق بىر ئەرەب بۇلاردەك قوپال رەت قىلغان ئەمەس ئىدى.

3. رەسۇلۇللاھ يەنە ئامىر ئىبنى سەئسەئ جەمەتى چۈشكەن مەنزىلگە كېلىپ ئۇلارنى ئاللاھقا چاقىردى ۋە ئۆزىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆتۈنگەنىدى، بۇھەير ئىبنى فىراس دېگەن (شۇ قەبىلىدىن بىر) كىشى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مەن بۇ يىگىتنى قۇرەيشلەردىن ھىمايەمگە ئالىدىغان بولسام ئەرەبلەر مېنى يەۋېتىدۇ»، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: «ئېيتىپ باقە! ئەگەر بىز ساڭا مۇشۇ ئىشقا بەيئەت بەرسەك، ئاندىن ئاللاھ سېنى مۇخالىف كۈچلەر ئۈستىدىن غالىب قىلسا، سەندىن قالغاندا ھوقۇق بىزنىڭ بولالامدۇ-يوق؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ھوقۇق مەنسەپ خۇدانىڭ ئىلكىدە، ئۇنى ئاللاھ ئۆزى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرىدۇ»، دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، ھېلىقى كىشى: «بىز سېنى دەپ ئۆزىمىزنى ئەرەبلەرنىڭ ئوقىغا نىشان قىلىمىز، ئاندىن ئاللاھ سېنى غالىب قىلسا، ئۇنىڭ سەمەرىسى باشقىلارغا مەنسۇپ بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟ تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش. بىزنىڭ بۇ ئىشىڭغا ھاجىتىمىز يوق»، دېيىشىپ رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىدىن يۈز ئۆرۈشتى.

بەنۇ ئامىر جەمەتى ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن قېرىلىق ئەھۋالى بىلەن ھەج مەۋسۇمىغا قاتنىشالمىغان بىر مويسىپىت كىشىگە مەۋسۇم مەزگىلىدە كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇلار ھېلىقى مويسىپىتكە: «قېشىمىزغا قۇرەيشلەرنىڭ بەنى ئابدۇلمۇتەللىپ جەمەتىدىن بىر يىگىت كەپتۇ، ئۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋاپتۇ، ئۇ بىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپ تۇرۇپ، ئۇنى قوغداشقا ۋە ئۇنى يۇرتىمىزغا ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە دەۋەت قىلدى»، دېيىشىۋىدى، ھېلىقى مويسىپىت: «يائاللاھ!» دەپ كاللىسىنى تۇتتى، ئاندىن ئۇلارغا: «ئى بەنى ئامىر خەلقى! بۇ نېمە دېگەن چوڭ بىخەستىلىك، ئەمدى بۇ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولامدۇ؟ ئەزبىرايى خۇدا، ئىسمائىل ئەۋلادلىرى بۇنداق چوڭ ئىشتا يالغان ئېيتمايتتى، ئۇنىڭ دېگىنى بەرھەق، راست ئىدى. سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار نەگە كەتكەندۇ؟» دەپ كايىدى.

مەككىلىكلەرنىڭ غەيرىدىن مۇسۇلمان بولغانلار

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئىسلام دەۋىتىنى ھەر قايسى قەبىلە ۋە ئايماق ئۆمەكلىرىگە تەشۋىق قىلىپ كۆرگىنىگە ئوخشاش خوسۇسىي ئەربابلار ۋە ئايرىم شەخىسلەرگىمۇ يەتكۈزۈپ تونۇشتۇرۇپ كۆردى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن چىرايلىق جاۋابلارغا ئېرىشتى ۋە بەزىلىرى مۇشۇ مەۋسۇمدىن ئازراقتىن كېيىنلا مۇسۇلمان بولۇپ كەلدى. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تونۇشتۇرىلىدۇ:

1. سۇۋەيد ئىبنى سامىت. ئۇ يەسرەب (مەدىنە) لىك يېتىشكەن شائىر ئىدى. ئۇنىڭ يۈرەكلىك، جاسارىتى، شېئىرىيەتتىكى تالانتى، ئەل ئارىسىدىكى نوپۇزى ۋە ھەسەب-نەسەب جەھەتتىكى ئورنىنى دەپ ئەل جامائەت ئۇنى «كامىل» (يېتىشكەن كىشى) دەپ ئاتاشقانىدى. ئۇ مەككىگە ھەج قىلغىلىمۇ ياكى ئۆمرە قىلغىلىمۇ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغانىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھقا مۇنداق دېدى: «سېنىڭ دەۋاتقىنىڭ ئېھتىمال مەندىكىگە ئوخشاش ئىش بولسا كېرەك». رەسۇلۇللاھ: «سەندىكى نېمە ئىش ئۇ؟» دېۋىدى، سۇۋەيد: «لوقماننىڭ ھېكمىتى»، دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ: «ماڭا ئېيتىپ بەرگىن»، دېۋىدى، سۇۋەيد رەسۇلۇللاھقا بىلىدىغانلىرىنى ئېيتىپ بەردى. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «بۇمۇ ياخشى كالام ئىكەن، مەندىكىسى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ھەم ئەۋزەل، ئۇ ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان نۇر ھىدايەت، نۇرلۇق كىتابتۇر»، دېدى ۋە ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم»دىن مۇيەسسەر بولغان مىقداردا تىلاۋەت قىلىپ بېرىپ، ئۇنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلىۋىدى، ئۇ شۇئان مۇسۇلمان بولدى ۋە «بۇ ھەقىقەتەنمۇ لەزىز، شېرىن كالام ئىكەن». دېدى. كېيىن ئۇ مەدىنىگە قايتىپ بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي «بۇئاس» ئۇرۇشىغا يەم بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغان ۋاقتى بىئسەتنىڭ 11- يىلىنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ.

2. ئىياس ئىبنى مەئاز. ئۇمۇ يەسرەبلىك نەۋقىران يېگىت ئىدى. ئۇ ئەۋس ھەج ئۆمىكى بىلەن بىللە خەزرەجلەرگە قارشى قۇرەيشلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئۈچۈن مەككىگە كەلگەن. بۇ بىئسەتنىڭ 11- يىلىنىڭ باشلىرىدا بۇئاس ئۇرۇشى پارتلاشنىڭ سەل ئالدىدىكى ئىش بولۇپ، بۇ چاغدا يەسرەبتە ئەۋس ۋە خەزرەجتىن ئىبارەت ئىككى قەبىلە ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت ئوتلىرى يامراۋاتاتتى. (ئەۋس قەبىلىسى سان جەھەتتە خەزرەج قەبىلىسىدىن خېلىلا ئاز ئىدى) پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇلارنىڭ مەككىگە يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ چۈشكەن يېرىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشتى ۋە ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ «سىلەر مەقسەت قىلىپ كەلگەن ھېلىقى پىلانىڭلاردىنمۇ ياخشىراق بىر ئىشقا رىغبەت قىلامسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «نېمە ئىش ئۇ؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئۇ مېنى بەندىلەرنى ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى ۋە ماڭا كىتاب نازىل قىلدى»، دېدى. ئاندىن ئۇلارغا «قۇرئان كەرىم»دىن تىلاۋەت قىلىپ بەردى. بۇ چاغدا ئىياس ئىبنى مەئاز: «ئى قەۋمىم! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مانا بۇ سىلەر پىلانلاپ كەلگەن ئىشتىن چوقۇم ياخشىكەن»، دېگەنىدى، ئەبۇلھەيسەر (تولۇق ئىسمى ئەنەس ئىبنى رافىئە بولۇپ، ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ بىرى) ئولتۇرغان يېرىدىن بىر سىقىم شېغىل توپىنى ئېلىپلا ئىياسنىڭ يۈزىگە چاچتى ۋە: «بىزدىن يىراق كەت، ئەزبىرايى خۇدا، بىز باشقا ئىش ئۈچۈن كەلدۇق»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىياسمۇ جىمىپ قالدى. رەسۇلۇللاھمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ قالدى. كېيىن ئۇلار قۇرەيشلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى.

ئۇلار يەسرەبكە قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئىياس ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ ئۆلەر ۋاقتىدا «لا الھ الا اللھ واللھ اكبر سبچان اللھ والچمد للّھ» «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ پاك مۇنەززەھتۇر، بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر»، دەپ تەھلىل ۋە تەكبىر ئېيتقانىكەن. شۇڭا مەدىنە خەلقى ئىياسنىڭ مۇسۇلمان ھالەتتە ئۆلگەنلىكىگە شەك قىلمايدۇ.

3. ئەبۇ زەر غىفارى. ئەبۇ زەر مەدىنە ئەتراپىغا جايلاشقان ئاھالىلەرنىڭ بىرى بولغان غىفار قەبىلىسىدىن. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام توغرىسىدىكى خەۋەرنى سۇۋەيد ئىبنى سامىت ۋە ئىياس ئىبنى مەئازلار ئارقىلىق ئاڭلىغان ۋە مۇشۇ خەۋەر ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغان. ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئەبۇ زەر مۇنداق دېگەن: «مەن غىفار قەبىلىسىدىن ئادەتتىكى بىر كىشى ئىدىم. بىزگە مەككىدە بىر ئادەم ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ چىقىپتۇ، دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى. شۇڭا، مەن قېرىندىشىمغا: ‹جۈر! سەن بۇ ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن سۆزلىشىپ، ماڭا ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگىن›، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن قېرىندىشىم يۈرۈپ كەتتى ئۇ مەككىگە بېرىپ، رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچرىشىپتۇ. ئاندىن ئۇ قايتىپ كەپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن: «ئەھۋال قانداق؟» دەپ سورىسام، ئۇ: ‹ئەزبىرايى خۇدا، مەن پەقەت ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدىغان، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم، خالاس›، دەپ تومتاقلا جاۋاب بەردى. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا: ‹سەن ماڭا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئېلىپ كەلمەپسەن…›، دەپ قويۇپ، بىر تۇلۇم ئوزۇقلۇق ۋە بىر تال ھاسا تاياق ئېلىپ، مەككىگە قاراپ يولغا چىقتىم. ئون نەچە كۈنلۈك سەپەرنى يالغۇز بېسىپ ئاخىرى مەككىگە يېتىپ كەلدىم. ئەمما، مەن رەسۇلۇللاھنى تونۇمايتتىم. بىرەر كىشىدىن سوراشنى ئەپسىز كۆردۈم. شۇڭا، مەن ئۇسسىسام زەمزەم سۈيىدىن ئىچىپ، مەسجىدتە ئولتۇردۇم. شۇ ئەسنادا قېشىمغا ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ كېلىپ: ‹ئۆزىڭىز مۇساپىر ئوخشىمامسىز؟› دەپ سورىدى. مەن: ‹ھەئە، مۇساپىرمەن›، دېسەم، ئۇ: ‹ئۆيگە بارايلى›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۆيىگە باردىم. ئۇمۇ گەپ سورىمىدى، مەنمۇ ئۇنىڭدىن گەپ سورىمىدىم ياكى ئۆزۈمنى تونۇشتۇرمىدىم. ئەتىسى ئەتىگەن رەسۇلۇللاھنى بىر ئۇقاي دېگەن ئۈمىدتە مەسجىدكە كەلدىم. ئەمما، ئۇنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويىدىغان كىم بار دەيسىز؟» ئەبۇ زەر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۈنىمۇ كەچ كىرىپ كەتتى، ئەلى يەنە قېشىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: ‹جانابىڭىز تېخىچە بارىدىغان يېرىڭىزنى تاپالمىدىمىكىن؟› دەپ سورىدى. مەن: ‹ياق، تېخىچە تاپالمىدىم›، دېدىم، ئۇ مېنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى». ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەلىي كېتىۋېتىپ: «سەن نېمە ئادەم؟ بۇ يەرگە نېمە ئىش بىلەن كەلگەن؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا: «ئەگەر سىر تۇتساڭ ئېيتىپ بېرىمەن»، دېۋىدىم، ئەلى: «چوقۇم سىر تۇتىمەن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا: «بىزگە مۇشۇ يەردىن بىر كىشى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىپ چىقىپتۇ، دېگەن خەۋەر ئاڭلىنىۋىدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ كېلىش ئۈچۈن بىر قېرىندىشىمنى ئەۋەتكەنىدىم، ئۇ مەككىگە كېلىپ قايتىپ بېرىپتۇ. لېكىن، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئېلىپ بارماپتۇ. شۇڭا، مەن ئۆزۈم بىۋاسىتە بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلەي، دەپ كەلگەنىدىم»، دېدىم.

ئەلىي ماڭا: «سىز ھەقىقەتەن توغرا ئىش قىلىپسىز، مەن ھازىر شۇنىڭ قېشىغا كېتىپ بارىمەن، ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭ، ناۋادا مەن ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر ئادەمنى كۆرسەم، كەشىمنى ئوڭشىغان بولۇپ، تام تۈۋىگە ئۆتۈپ تۇرىمەن، سىز ئۆتۈپ كېتىۋېرىڭ»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدىمدىراق، مەن كەينىدىرەك ماڭدۇق. بىر چاغدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ بار مەنزىلگە كىردۇق. مەن رەسۇلۇللاھقا: «ماڭا ئىسلامنى تونۇشتۇرغىن»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ ماڭا ئىسلامنى تونۇشتۇردى. مەن شۇ يەردىلا مۇسۇلمان بولدۇم. رەسۇلۇللاھ ماڭا: «ئى ئەبۇ زەر! سەن بۇ ئىشنى سىر تۇتۇپ، يۇرتۇڭغا قايتقىن، بىزنىڭ زوھۇر (ئاشكارىلىنىش)قىلغان خەۋىرىمىزنى ئاڭلىساڭ، ئاندىن كەلگىن»، دېدى. مەن «سېنى ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ دىننى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بار يەردە جاكارلايمەن» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن مەسجىدكە كەلدىم. قۇرەيشلەر ھەممىسى يىغىلىپ، پاراڭغا چۈشكەنىكەن. مەن ئۇلارنىڭ سورۇنىغا بېرىپ: «ئى قۇرەيش خەلقى! مەن «اشھد ان لژ الھ الا اللھ و اشھد ان مچمد ىبدھ و رسولھ»، يەنى بىر ئاللاھتىن باشقا مەئبۇد بەرھەق يوق، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن ۋە مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن»، دەپ توۋلىدىم. ئۇلار بىردەك: ‹تۇرۇڭلار! بۇ مۇرتەدنى ئۇرۇڭلار›، دەپ چۇقان كۆتۈرۈشتى ۋە ھەممىسى يامىشىپ مېنى ئۆلگۈدەك ئۇردى. بىر چاغدا ئابباس كېلىپ مېنى ئاستىغا بېسىپ يېتىۋالدى ۋە ئۇلارغا كايىپ: ‹ۋاي سىلەرگە! غىفارلىق بىر ئادەمنى ئۆلتۈرمەكچىمۇ سىلەر؟ سىلەرنىڭ تىجارەت بازىرىڭلار ۋە ئۆتۈش يولۇڭلار غىفار تۇرسا›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى ئۇرۇشتىن توختىدى. ئەتىسى تاڭ ئېتىۋىدى، مەسجىدكە يەنە باردىم ۋە ئالدىنقى كۈنى دېگەنلىرىمنى يەنە دېدىم. ئۇلار يەنە: «ئۇرۇڭلار، بۇ مۇرتەدنىڭ ئەدىبىنى بېرىڭلار!» دەپ ۋارقىراشتى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئالدىنقى كۈنىگە ئوخشاشلا تاياق-توقماقلار يېغىپ كەتتى ۋە بىر ھازادىن كېيىن يەنە ئابباس كېلىپ، ئۆزىنى ئۈستۈمگە تاشلاپ ئالدىنقى كۈنىدە دېگەنلىرىنى تەكرارلاپ ئۇلارنى ھەيدىۋەتتى.

4. تۇفەيل ئىبنى ئەمرى دەۋسى. ئۇ پۈتۈن ئەرەبلەرگە تونۇشلۇق كاتتا ئەرباپ، تالانتلىق شائىر، دەۋس قەبىلىسىنىڭ قەبىلە باشلىقى ئىدى. يەمەننىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان بۇ قەبىلىنىڭ خەلىپىلىك ياكى يېرىم خەلىپىلىك ئورنى بار ئىدى. تۇفەيل مەككىگە بىئسەتنىڭ 11- يىلى كەلدى. ئۇ مەككىگە يېتىپ كەلگەندە، مەككىلىكلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ئۇنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشتى: «ئى تۇفەيل! سىز بۇ يەرگە قەدەم تەشرىپ قىلدىڭىز، ئارىمىزدىن چىققان بۇ ئادەم بىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق كەلتۈردى. ئەل جامائىتىمىز ئارىسىغا تەپرىقىچىلىق سالدى. ئىشلىرىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى سېھىرنىڭ ئۆزى. ئاتا-بالا، ئاكا-ئۇكا ۋە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدۇ. بىز ساڭا ۋ سېنىڭ قەۋمىڭگە بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن كەلمىشلەر كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز. شۇڭا، سەن ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇچى بولمىغايسەن ۋە ئۇنىڭ گېپىگە ھەم قۇلاق سالمىغايسەن!» دېيىشتى.

تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلار ماڭا سۆزلەۋېرىپ، ئاخىرى مەن ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماسلىق ۋە ئۆزەممۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلماسلىق قارارىغا كەلدىم. ھەتتا مەن ئۇنىڭ گېپىنى تاسادىپىي ئاڭلاپ قالماسلىق ئۈچۈن مەسجىدكە بارغاندا قۇلىقىمغا پاختا-لاتا كەپلىۋالىدىم». ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنداق قىلىپ بىر كۈنى ئەتىگەن مەسجىدكە باردىم. ئۇ (رەسۇلۇللاھ) مەسجىدتە كەئبىنىڭ ئالدىدا، ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋاتقانىكەن. مەن بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئۇنىڭغا يېقىن يەرگە بېرىپ تۇرۇپ قالدىم. ئاخىر ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭ بەزى گەپلىرىنى ئاڭلاتماي قويمىدى. تىڭشىسام، قۇلىقىمغا ئاجايىپ مۇڭلۇق، ئاجايىپ تەسىرلىك سۆزلەر كىرىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن كۆڭلۈمدە: «ۋاي! سېنى ئانىسىدىن قاغىش ئالغان! ئەزبىرايى خۇدا، مەن دېگەن بىر ئەقىل ئىگىسى، شېئرىيەتتىن خەۋىرىم بار ئادەم تۇرسام، ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتەلمەمتىم؟ بۇ ئادەمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باققاننىڭ نېمىسى يامان؟ ياخشى گەپ بولسا قوبۇل قىلارمەن، يامان گەپ بولسا ئۆز پېتى قالمامتى»، دېدىم ۋە ساقلاپ تۇرۇپ ئۇ قايتقاندا ئەگىشىپ ماڭدىم، ھەتتا بىر چاغدا، ئۇ بىر ئۆيگە كىرىۋىدى، مەنمۇ كىردىم ۋە ئۇنىڭغا كېلىش جەريانىمنى ۋە كىشىلەرنىڭ مېنى ئۇنىڭدىن قورقۇتقىنىنى، ھەتتا قۇلىقىمغا پاختا كەپلەپ ئېتىۋالغانلىقىمنى يەنە شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بەزى گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ بەردىم ۋە ئۇنىڭغا: «سەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان ھېلىقى ئىشىڭنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ باققىن»، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ماڭا ئىسلامنى تونۇشتۇردى ۋە ماڭا «قۇرئان كەرىم»دىن تىلاۋەت قىلىپ بەردى. شۇڭا، مەن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلالايمەنكى، مەن ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلۇق ۋە ئۇنىڭدىن ئادىل ھەم قانائەتلىنەرلىك بىر ئىشنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن مەن شۇئان مۇسۇلمان بولدۇم ۋە شەھادەت ئېيتىپ گۇۋاھلىق بەردىم ۋە ئۇنىڭغا: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن خەلقىم ئىچىدە ئىناۋەتلىك ئادەممەن، مەن قايتىپ ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلاي، دەيمەن، شۇڭا ئاللاھقا دۇئا قىلساڭ، ماڭا بىرەر مۆجىزە ئاتا قىلسا»، دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ ماڭا دۇئا قىلدى. ئاللاھ تۈفەيلگە ئاتا قىلغان مۆجىزە شۇ بولدىكى، ئۇ مەھەللىسىگە يېقىنلاپ بارغاندا ئۇنىڭ يۈزىدە گويا چىراغ نۇرىدەك بىر خىل ئۆتكۈر نۇر پەيدا بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «ئى ئاللاھ! ئۇ (مۆجىزە)نى يۈزۈمنىڭ غەيرىدە قىلساڭ، ئۇلار بۇ تەبدىل سۈرەت (يەنى تاشقى قىياپىتى ئۆزگىرىپ كېتىش)لىك، دېيىشىدىن قورقىمەن»، دەپ دۇئا قىلغانىدى. شۇئان ھېلىقى نۇر ئۇنىڭ قولىدىكى قامچىسىغا يۆتكىلىپ كەتتى.

تۇفەيل بېرىپ ئاتىسىنى ۋە ئايالىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغانىدى. ئۇلار مۇسۇلمان بولدى. ئەمما، ئۇنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن تاقارىشىپ ئىسلامنى دەرھال قوبۇل قىلمىدى. لېكىن، ئۇ ئۇلار بىلەن داۋاملىق ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى خەندەك غازىتىدىن كېيىنلا 70 ياكى 80 ئۆيلۈك مۇسۇلماننى باشلاپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ باردى. تۇفەيل ئىسلام ئۈچۈن قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتتى ۋە يەمامە ئۇرۇشىدا مەردلەرچە شېھىت بولدى.

5. زىمادىل ئەزدى. ئۇ يەمەننىڭ ئەزدى شەنۇئە قەبىلىسىدىن بولۇپ، جىن چاپلاشقانلارغا دۇئا ئوقۇيدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ مەككىگە كېلىپ مۇشرىكلاردىن: «مۇھەممەد مەجنۇن، مۇھەممەد ساراڭ»، دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىدى ۋە كۆڭلىدە: «بۇ ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ بىر دۇئا ئوقۇپ كۆرەي، ئاللاھ ئۇنىڭغا مېنىڭ قولۇمدا شىپالىق ئاتا قىلىۋەتسە، ئەجەپ ئەمەس»، دەپ ئويلىدى-دە، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بىلەن ئالايىتەن كۆرۈشۈپ: «ئى مۇھەممەد! مەن بۇ جىن سوقۇش كېسىلىگە دۇئا ئوقۇيمەن، سېنىڭ بۇ دۇئايىمغا رىغبىتىڭ بارمۇ؟» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغا: «بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! بىز ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز، ئاللاھتىن مەدەت، ياردەم تىلەيمىز، كىمكى ئاللاھ ھىدايەت ئاتا قىلسا، ئۇنى ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ ۋە كىمكى ئاللاھ ئازدۇرۇۋەتسە، ئۇنىڭغا ھىدايەت ئاتا قىلغۇچى بولمايدۇ، گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، بىر ئاللاھتىن باشقا مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ يەككە يىگانىدۇر. شېرىكى يوقتۇر ۋە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، ئەمما بەئدۇ …›، دېدى.

بۇنى ئاڭلاپ، سۈكۈتقا چۆمگەن زىماد: «بۇ سۆزلەرنى ماڭا قايتا بىر ئېيتىپ بەرگىن!» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ھېلىقى كەلىمە شەرىفلەرنى قايتا-قايتا ئۈچ مەرتىۋە ئېيتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «مەن چىراغچى كاھىنلارنىڭ، ساھىر-جادۇگەرلەرنىڭ ۋە شائىر سۆزمەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانمەن. لېكىن، سېنىڭ بۇ سۆزلىرىڭدەك شېرىن، ياخشى كالامنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. بۇ سۆزلىرىڭ كۆڭلۈمنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. قولۇڭنى ئەكەلگىن، ساڭا ئىسلامغا بەيئەت بېرىمەن»، دېدى-دە، قولىنى سۇنۇپلا رەسۇلۇللاھقا ئىسلام ئۈچۈن بەيئەت قىلدى.

يەسرەب ئاھالىسىدىن ئالتە پاك جان

بىئسەتنىڭ 11- يىلى (مىلادىيە 620- يىلى ئىيۇل ئايلىرى) ھەج مەۋسۇمىدا ئىسلام دەۋىتى ناھايىتى ياخشى بىر خىل ئېسىل ئۇرۇقلار بىلەن ئۇچراشتى، بۇ ئۇرۇقلار تېزلا بۈك-باراقسان مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئايلىنىپ، مۇسۇلمانلار بۇ دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا نەچچە يىل داۋاملاشقان زۇلۇم-سىتەم ۋە ئېزىش-ئېزىلىشلەرنىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنلىرىنىڭ زەھەرلىك دەپتىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالالىدى. شۇ مەزگىللەردە مەككىلىكلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى يالغانغا چىقىرىش ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش قاتارلىق زىيانكەشلىكلىرىگە قارىتا رەسۇلۇللاھنىڭ قوللانغان دانا تەدبىرلىرىدىن بىرى، ئۇ مۇشرىكلار بىلىپ قالسا، توسالغۇ بولمىسۇن ئۈچۈن دەۋەت قىلماقچى بولغان قەبىلىلەر چۈشكەن مەنزىلگە تۈن قاراڭغۇسىدا چىقاتتى. ئۇ بىر كېچىسى تۈن نىسپىي بولغاندا، ئەبۇ بەكرى ۋە ئەلى ئىككىيلەن بىلەن شۇ مەقسەتتە، زۇھەل ۋە شەيبان ئىبنى سۇئلەبە قەبىلىلىرىنىڭ بارگاھلىرىغا باردى ۋە ئۇلار بىلەن ئىسلام توغرىلىق سۆزلەشتى ۋە ئەبۇ بەكرى بىلەن زەھەل قەبىلىسىدىن بىر ئادەم ئوتتۇرىسىدا قىزغىن ئىجابىي سوئال-جاۋابلار ئېلىپ بېرىلدى. بەنۇ شەيبان قەبىلىسىدىن كەلگەنلەر كىشىنى ئۈمىدۋار قىلىدىغان جاۋابلارنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن ھازىرچە توختاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاندىن رەسۇلۇللاھ مىنا تېغى داۋىنىنى بويلاپ ماڭدى ۋە شۇ ئەتراپتا بىر نەچچەيلەننىڭ «گۇدۇڭ-گۇدۇڭ» ئاۋازىنى ئاڭلىدى ۋە بۇرۇلۇپلا شۇلارنىڭ قېشىغا باردى.

ئۇلار يەسرەب ياشلىرىدىن:

ئەسئەد ئىبنى زۇرارە (بەنى نەججار جەمەتىدىن)،

ئەۋن ئىبنى ھارىس (بەنى نەججار جەمەتىدىن)،

رافىئە ئىبنى مالىك ئىبنى ئەجلان (بەنى زۇرەيق جەمەتىدىن)،

قۇتبە ئىبنى ئامىر ئىبنى ھەدىيد (بەنى سەلىيمە جەمەتىدىن)،

ئۇقبە ئىبنى ئامىر ئىبنى نابى (بەنى ھەرام ئىبنى كەئب جەمەتىدىن)،

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى رىئاب (بەنى ئوبەيد ئىبنى غەنەم جەمەتىدىن)،

قاتارلىق ئالتە نەپەر ياش ئوغلان ئىدى.

يەسرەب ئاھالىسىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلگەنلىكىنىڭ بىردىنبىر ئالامىتى شۇكى، ئۇلار ئىتتىپاقدىشى بولغان مەدىنە يەھۇدىيلىرىدىن: «پات يېقىندا ئاخىر زامان پەيغەمبىرى زوھۇر(مەيدانغا كېلىپ) قىلىپ چىقىدۇ، بىز ئۇنىڭغا دەسلەپ قىلىپ ئەگىشىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە سىلەرنى ئاد-ئىرەم قەۋملىرىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمىز»، دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالاتتى.

بۇ قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ: «سىلەر كىملەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «بىز خەزرەج قەبىلىسىدىن»، دەپ جاۋاب بېرىشتى، رەسۇلۇللاھ: «يەھۇدىيلارنىڭ ئېمىلدەشلىرى، يەنى ئىتتىپاقداشلىرى!» دەپ قوشۇپ قويدى. ئۇلار: «ھەئە، شۇنداق»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «ئولتۇرمامسىلەر، سىلەرگە گەپ قىلاي!» دېۋىدى، ئۇلار: «بولىدۇ»، دېيىشىپ ئولتۇرۇشتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئىسلامنىڭ ماھىيىتىنى شەرھىلىدى ۋە ئۆزىنىڭ دەۋەت نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ تەرىپىگە چاقىردى ۋە «قۇرئان كەرىم»دىن تىلاۋەت قىلىپ بەردى. شۇئان ئۇلار بىر-بىرىگە: «بىلەمسىلەر ئى قەۋمداشلار! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ چوقۇم يەھۇدىيلار بىزگە تەھدىت سالغان پەيغەمبەر شۇ، شۇڭا ئۇلار بۇ پەيغەمبەر بىلەن بىزدىن بۇرۇن ئۇچرىشىۋالماسلىقى كېرەك»، دېيىشتى ۋە ئۇنىڭ دەۋىتىگە تېزلا ئاۋاز قوشۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش رىغبىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلار يەسرەبنىڭ يىراقنى كۆرەر ئاقىللىرىدىن بولۇپ، ئەمدىلا ئاياغلاشقان، ئەمما يەنىلا يامراش ئېھتىمالى بولغان ئىچكى ئۇرۇش ئوتى يەسرەب خەلقىنى قاتتىق جۇدىتىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ دەۋىتىنىڭ ئۇرۇشنىڭ تەلتۆكۈس ئاخىرلىشىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىشتى. شۇڭا ئۇلار رەسۇلۇللاھقا: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز ھازىر خەلقىمىزنى تاشلاپ بۇ يەرگە كەلدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆچ-ئاداۋەت ۋە يامانلىقلار ھېچقانداق بىر قەۋم ئارىسىدا بولماس، ئۈمىدكى ئاللاھ سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈۋەتسە ئەجەب ئەمەس. بىز قايتىپ ئۇلارنى بۇ ئىشقا دەۋەت قىلىمىز ۋە بىز قوبۇل قىلغان بۇ دىننى ئۇلارغىمۇ تونۇشتۇرىمىز. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى سەن ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈۋەتسە، ئۇ چاغدا سەندىن ئېزىز ئادەم بولمايدۇ» دېدى.

ئۇلار مەدىنىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن مەدىنىدە ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزدى، نەتىجىدە مەدىنە تەۋەسىدە ئەنسار ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە رەسۇلۇللاھنىڭ گېپىدىن باشقا گەپ بولمايدىغان بولدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشىگە ئۆيلىنىشى ھەققىدە قوشۇمچە ئىزاھات

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشىگە ئۆيلىنىشى ھەققىدە قوشۇمچە ئىزاھات”

مۇشۇ يىلى (بىئسەتنىڭ 11- يىلى) شەۋۋال ئېيىدا رەسۇلۇللاھ ئائىشە سىددىق (راستچىل)قا ئۆيلەندى. ئائىشە بۇ چاغدا ئالتە ياشقا كىرگەنىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھىجرىيىنىڭ 1- يىلى شەۋۋال ئېيىدا بىر تەكىيدە باش قويدى. ئۇ بۇ چاغدا توققۇز ياشقا توشقانىدى.

بەيتۇلمۇقەددەسكە سەپەر ۋە مىئراج

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ دەۋىتى مۇشرىكلارنىڭ زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكلىرى تۈپەيلى غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت ئوتتۇرىسىدا قەدرى ئەھۋال يول ئېچىپ ئىلگىرىلەۋاتقان ۋە يىراق ئۇپۇقلاردا غەلىبە يۇلتۇزلىرى غىل-پال نۇر چېچىپ كۆرۈنۈۋاتقان بىر پەيتتە، رەسۇلۇللاھقا بەيتۇلھەرەمدىن بەيتۇلمۇقەددەس كە سەير قىلىش ۋە ئۇ يەردىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا مىئراج قا چىقىش شەرىپى مۇۋەپپەق قىلىندى.

مىئراجنىڭ ۋاقتىنى مۇقىم بىر ۋاقىتقا تەيىن قىلىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت:

1. ئىسرائ (مەككىدىن بەيتۇلمۇقەددەسكە سەير قىلىش ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا مىئراجقا چىقىش) شەرىپى رەسۇلۇللاھقا پەيغەمبەرلىك ۋەھىي نازىل بولغان يىلى مۇۋەپپەق قىلىنغان. (بۇ ئىمام تەبەرىنىڭ قارىشى).

2. رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولۇپ بەشىنجى يىلى مۇۋەپپەق بولغان. (بۇنى نەۋەۋى قۇرتۇبى قۇۋۋەتلىدى).

3. بىئسەتنىڭ 10- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 27- كۈنى مۇۋەپپەق بولغان. (بۇ ئەللامە مەنسۇر فورىنىڭ تاللىغىنىدۇر).

4. ھىجرەتتىن 16 ئاي ئىلگىرى، يەنى بىئسەتنىڭ 12- يىلى رامىزان ئېيىدا بولغان.

5. ھىجرەتتىن 14 ئاي ئىلگىرى، يەنى بىئسەتنىڭ 13- يىلى مۇھەررەم ئېيىدا بولغان.

6. ھىجرەتتىن ساق بىر يىل بۇرۇن، يەنى بىئسەتنىڭ 13- يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا بولغان.

ئالدىدىكى 1-، 2-، 3- قاراش بىردەك رەت قىلىندى. چۈنكى، خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىئسەتنىڭ 10- يىلى رامىزان ئېيىدا ۋاپات بولغان. ئۇ چاغدا تېخى بەش ۋاق ناماز پەرز قىلىنمىغان ئىدى، ۋەھالەنكى، بەش ۋاق نامازنىڭ مىئراج كېچىسىدە پەرز قىلىنغانلىقىدا شەك يوق. ئەمما، كېيىنكى ئۈچ خىل قاراش مەن (ئاپتور) ئۇنىڭ ھېچقايسىسىنى قۇۋۋەتلەيدىغان دەلىلگە ئىگە ئەمەسمەن. بىراق، سۈرە ئىسرانىڭ سىياقىدىن قارىغاندا، مىئراج ھىجرەتكە ناھايىتى يېقىن ئارىلىقتا يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. ھەدىسشۇناس ئالىملار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى. ئۇنى قىسقارتىپ سۆزلەپ ئۆتىمىز.

ئىبنى قەييۇم مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام (سەھىھ رىۋايەتكە ئاساسلاندا) ئاشۇ مۇبارەك تېنى بىلەن بۇراق قا مىنىپ جىبرىئىل (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ ھەمراھلىقىدا مەسجىدىلھەرامدىن بەيتۇلمۇقەددەسكە سەير قىلدۇرۇلدى ۋە ئۇ يەردە چۈشۈپ پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى ۋە بۇراقنى مەسجىد دەرۋازىسىنىڭ بىر ھالقىسىغا باغلاپ قويدى. ئاندىن شۇ كېچىسى بەيتۇلمۇقەددەستىن بىرىنچى ئاسمانغا ئۆرلىتىلدى ۋە جىبرىئىل (ئەلەيـھىسسالام) رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ئاسماننىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغانىدى، ئاسمان دەرۋازىسى ئېچىلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ يەردە ئادەم ئاتىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭغا سالام بەردى. ئادەم ئاتا رەسۇلۇللاھنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ئۇنىڭ سالىمىغا «ئەلەيكە» ياندۇردى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەر بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا شەھىدلەرنىڭ ئەرۋاھ (جان)لىرىنى ئوڭ ياندىن ۋە شەقىي ناكەسلەرنىڭ ئەرۋاھ (جان)لىرىنى سول ياندىن كۆرسەتتى.

ئاندىن ئۇ ئىككىنچى ئاسمانغا ئۆرلىتىلىدى ۋە ئىككىنچى ئاسمان دەرۋازىسىمۇ ئېچىلدى. ئۇ يەردە يەھيا ئىبنى زەكەرىيا ۋە ئىيسا ئىبنى مەريەم (ئەلەيـھىسسالام)لەرنى كۆردى ۋە ئۇلار بىلەن مۇلاقات بولۇپ، ئۇلارغا سالام بەردى. ئۇلارمۇ رەسۇلۇللاھقا سالام قايتۇردى ۋە ئۇنىڭ مىئراجىنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە پەيغەمبەر بولغانلىقىنى تەبرىكلەشتى.

ئاندىن ئۈچىنچى ئاسمانغا ئۆرلىتىلدى. ئۇ يەردە يۈسۈف ئىبنى يەئقۇپ (ئەلەيـھىسسالام)نى كۆردى ۋە ئۇنىڭغا سالام قىلدى. يۈسۈف (ئەلەيـھىسسالام) رەسۇلۇللاھقا «ئەلەيكە» ياندۇردى ۋە ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

ئاندىن تۆتىنچى ئاسمانغا ئۆرلىتىلدى. ئۇ يەردە ئىدرىس ئەلەيـھىسسالامنى كۆردى ۋە ئۇنىڭغا سالام بەردى. ئىدرىس ئەلەيـھىسسالام رەسۇلۇللاھنى قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن بەشىنچى ئاسمانغا ئۆرلىتىلدى. بەشىنچى ئاسماندا ھارۇن ئىبنى ئىمران (ئەلەيـھىسسالام)نى كۆردى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭغا سالام قىلدى، ھارۇن ئەلەيـھىسسالام ئۇنى قارشى ئالدى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەبرىكلىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئالتىنچى ئاسمانغا ئۆرلىتىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇ يەردە مۇسا ئەلەيـھىسسالامغا ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭغا سالام قىلدى، مۇسا ئەلەيـھىسسالام رەسۇلۇللاھنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

رەسۇلۇللاھ مۇسا ئەلەيـھىسسالامنىڭ قېشىدىن ئازراق ئۆتۈۋىدى، مۇسا ئەلەيـھىسسالام يىغلاپ تاشلىدى. ئۇنىڭغا: «نېمىشقا يىغلايسەن؟» دېيىلگەنىدى، ئۇ: «بىر ئوغلان مەندىن كېيىن پەيغەمبەرلىككە ئەۋەتىلدى ۋە ئۇنىڭ ئۇممىتىدىن جەننەتكە كىرىدىغانلار مېنىڭ ئۇممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغانلاردىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن يىغلايمەن»، دېدى.

ئاندىن يەتتىنچى ئاسمانغا ئۆرلىتىلدى. ئۇ يەردە ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭغا سالام قىلدى. ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام رەسۇلۇللاھنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەبرىكلىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ «سىدرەتۇلمۇنتەھا» غا كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بەيتۇلمەئمۇر غا ئۆرلىتىلدى ۋە ئۇ يەردىن رەسۇلۇللاھنى جەببار تائالا (بەندىلىرىگە خالىغاننى قىلدۇرۇلايدىغان ئەزەمەتلىك تەڭرى تائالا)نىڭ دەرگاھىغا ئۆرلىتىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، ھەتتا بىر ئىككى ئوق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىن ئارىلىقتا تۇردى. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىسى (رەسۇلۇللاھقا) گە بىر قاتار ۋەھىيلەرنى قىلدى ۋە ئۇنىڭغا 50 ۋاق نامازنى پەرز قىلدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قايتىپ مۇسا ئەلەيـھىسسالامنىڭ قېشىدىن ئۆتۈۋىدى، مۇسا ئەلەيـھىسسالام: «ئاللاھ سېنى نېمىگە بۇيرۇدى»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «50 ۋاق نامازغا»، دەپ جاۋاب بەردى. مۇسا ئەلەيـھىسسالام: «سېنىڭ ئۇممىتىڭ بۇنىڭغا تاقەت كەلتۈرەلمەيدۇ، سەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ ئۇنىڭدىن ئۇممىتىڭگە يەڭگىللىتىپ بېرىشنى تىلىگىن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ جىبرىئىل (ئەلەيـھىسسالام)غا مەسلىھەت سالغاندەك قىلىپ قارىۋىدى، جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام: «ھەئە، خالىسىڭىز»، دەپ ئىشارەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جىبرىئىل رەسۇلۇللاھنى يۇقىرىغا ئۆرلىتىپ جەببار تائالانىڭ دەرگاھىغا ئېلىپ چىقتى. ۋەھالەنكى، ئاللاھ ئۆزىگە خاس ماكاندا ئىدى. (بۇ ئىمام بۇخارىنىڭ بەزى لەبزىدىكى ئىبارىسى) ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئون ۋاقنى كۆتۈرۈۋېتىپ بەردى. ئاندىن تۆۋەن چۈشتى. مۇسا ئەلەيـھىسسالامنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا خەۋەر قىلدى. مۇسا ئەلەيـھىسسالام يەنە: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ يەنىمۇ يېنىكلىتىپ بېرىشنى تىلىگىن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇسا ئەلەيـھىسسالام بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھى ئارىلىقىدا بېرىپ كېلىپ يۈرۈپ ئاخىر ئاللاھ ئۇنى بەش نامازغا قالدۇرۇپ بەردى ۋە شۇ چاغدىمۇ يەنە مۇسا (ئەلەيـھىسسالام) رەسۇلۇللاھنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ، يەنىلا يەڭگىللىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بۇيرىغانىدى. رەسۇلۇللاھ: «چوقۇمكى، مەن پەرۋەردىگارىمدىن ھايا قىلدىم، ئەمدى مەن ئۇنىڭ قىسمتىگە رازى بولىمەن ۋە ئۇنىڭ پەرزىگە تەسلىم بولىمەن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇسا ئەلەيـھىسسالامنىڭ قېشىدىن يىراقلاپ مېڭىۋىدى غايىبتىن: «پەرزىمنى بېكىتىۋەتتىم ۋە بەندىلىرىمدىن كۆپ يېنىكلەتتىم» دەپ نىدا كەلدى.

مۇشۇ يەرگىچە بايان قىلىنغاندىن كېيىن ئىبنى قەييۇم رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ تەبارەك ۋە تائالانى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى توغرىسىدا ئىختىلاپ (ئوخشىمىغان قاراشلار) بارلىقىنى ئېيتتى ۋە ئىبنى تەيمىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى سۆزىنى تىلغا ئالدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، كۆز بىلەن كۆرۈش رەسۇلۇللاھقا ئەسلا مۇيەسسەر بولغان ئەمەس ھەم رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن دېگەننى ھېچقايسى بىر ساھابە دېمىگەن. ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)دىن نەقىل قىلىنغان «رەسۇلۇللاھ ئاللاھنى كۆردى» ۋە «رەسۇلۇللاھ ئاللاھنى دىلى بىلەن كۆردى»، دېگەن ھەدىسلەر بىر-بىرىگە زىت ئەمەس.

ئىبنى قەييۇم يەنە مۇنداق دېدى: «ئەمما، ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە نەجمىدىكى ﴿ڭم دنا فتدلۈ﴾ تەرجىمىسى: «ئاندىن ئۇ ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىپ، تۆۋەنگە ساڭگىلىدى». («قۇرئان كەرىم» سۈرە نەجىم 8- ئايەت) دېگەن سۆزىدىكى يېقىنلىشىش مىئراج قىسسىسىدە زىكرى قىلىنغان يېقىنلىشىش بىلەن بىر ئەمەس. سۈرە نەجىمدە زىكرى قىلىنغان يېقىنلىشىش بولسا، جىبرىئىلنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە ئۇنىڭ تۆۋەن چۈشۈشىدۇر. ئائىشە ۋە ئىبنى مەسئۇد (رەزىيەللاھۇ ئۇنھۇما)لارمۇ ھەم شۇ قاراشتا. ئايەتنىڭ سىياقىمۇ ھەم شۇنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، مىئراج ھەدىسىدە زىكرى قىلىنغان «يېقىنلىشىش ۋە تۆۋەن چۈشۈش» دېگەنلەر ئاللاھۇ تەبارەك ۋە تائالانىڭ تۆۋەن چۈشۈشى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىشىشى ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. سۈرە نەجىمدە زىكرى قىلىنغان «تۆۋەن چۈشۈش» بىلەن تەئارۇز (زىت) كەلمەيدۇ. چۈنكى، سۈرە نەجىمدىكى «ئۇ (رەسۇلۇللاھ) ئۇنى سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا يەنە بىر قېتىم كۆردى»، دېگىنى، ئۇ چوقۇم جىبرىئىلنى كۆردى، دېگەن بولىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ جىبرىئىلنى ئەسلى سۈرىتىدە، ئىككى قېتىم كۆرگەن. بىر قېتىم مۇشۇ زېمىندا، يەنە بىر قېتىم مىئراجدا — سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ قېشىدا كۆرگەن. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بەكرەك ئالىمدۇر.

مۇشۇ قېتىم رەسۇلۇللاھنىڭ كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى ھەمدە زىيارەت داۋامىدا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشلارغا دۇچ كەلدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا سۈت ۋە ھاراق كەلتۈرۈلدى. رەسۇلۇللاھ ئىككىلەنمەستىن سۈتنى تاللىغانىدى، ئۇنىڭغا: «توغرا يولغا ھىدايەت قىلىندىڭ» ۋە ياكى «توغرا يولنى تاپتىڭ، ناۋادا سەن ھاراقنى ئالغان بولساڭ، ئۇممىتىڭ ئېزىپ كەتكەن بولاتتى»، دېيىلدى. جەننەتتە تۆت دەريانى كۆردى. ئىككىسى ئاشكارا ۋە ئىككىسى يوشۇرۇن ئىدى. ئاشكارا ئىككى دەريا نىل دەرياسى ۋە پۇرات دەرياسى دەپ تونۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭ مەنىسى — رەسۇلۇللاھنىىڭ ئەلچىلىكى نىل ۋە پۇرات دەرياسى ۋادىلىرىدىكى كەڭ مۇنبەت زېمىنلاردا يىلتىز تارتىپ، ئۇنىڭ ئاھالىسىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالىدۇ ۋە بۇ جايلارنىڭ ئاھالىسى يېقىن كەلگۈسىدىن باشلاپ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىسلام تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرگۈچىلەردىن بولىدۇ، دېگەن بولاتتى، ئەكسىچە بۇ دەريالارنىڭ كېلىش مەنبىئى جەننەتتىن كېلىدۇ، دېگەن بولمايتتى.

زىيارەت داۋامىدا رەسۇلۇللاھ دوزاخنىڭ مالىكى (يەنى باش گوندىپاي)نى كۆردى. ئۇ قەتئىي كۈلمەيتتى ۋە ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم ۋە خۇشخۇيلۇقتىن قىلچە ئەسەر يوق ئىدى. شۇنىڭدەك رەسۇلۇللاھ يەنە جەننەت ۋە دوزاخنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولدى.

ئۇ يەنە يېتىملەرنىڭ مال-مۈلۈكىنى ناھەق يەۋالغانلارنىڭ ئېغىز، بۇرۇن، لەۋلىرىنى تۆگىنىڭ (كامشۇكلىرى)گە ئوخشاش قوپال، كۆرۈمسىز ھالەتتە كۆردى. ئۇلارنىڭ ئېغىز، بۇرۇنلىرىغا ھاۋانچا تاشلىرىدەك چوغ پارچەلىرى تۆپە-تۆپىلەپ تىقىلاتتى. ئاندىن ئۇ تاشلار شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ئارقا مەقئەتلىرىدىن ئېتىلىپ چىقاتتى.

رەسۇلۇللاھ جازانىخورلارنىڭ قورساقلىرى يوغىناپ، تۇلۇم قورساق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ قورساقلىرى بەك چوڭىيىپ كەتكەنلىكتىن ئۇلار ئۆز ئورۇنلىرىدىن تەمشىلەلمەيتتى ۋە يۆتكىلىشكىمۇ ماجالى يەتمەيتتى. فىرئەۋن جەمەتى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دوزاخقا قاقلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىلغاندا، ھېلىقى جازانىخورلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنى دەسسەپ ئاياغ ئاستى قىلىپ ماڭاتتى.

زىناخور-پاھىشىۋازلارنىڭ ئالدىدا مەززىلىك، پۇراقلىق، سېمىز گۆش قورۇمىلىرى تۇرماقتا، يەنە بىر چەتتە شەللەت، ئورۇق، بەتبۇي، سېسىق، مەينەت گۆشلەر تۇرماقتا. ۋەھالەنكى، ئۇلار ئالدىدىكى مەززىلىك، ھىد پۇراقلىق گۆشلەرنى تاشلاپ قويۇپ، يېنىدىكى مەينەت، پاسكىنا گۆشلەرنى ماكىلدىتىپ، چايناپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

رەسۇلۇللاھ يەنە مەھرەملىك سالاھىيىتى بولمىغان ئەرلەر بىلەن تارتىنماستىن ئارىلىشىپ يۈرىدىغان شاللاق خوتۇن-قىزلارنىڭ ئەمچەكلىرىدىن ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى.

رەسۇلۇللاھ يەنە بەيتۇلمۇقەددەسكە بېرىش-كېلىشتىكى ئىككىلا قېتىمدا مەككىلىكلەرنىڭ شام تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر تىجارەت كارۋىنىنى كۆردى ۋە ئۇلارنىڭ توپتىن ئايرىلىپ ئېزىپ قالغان بىر تۆگىسىنى كۆرسىتىپ قويدى ۋە ئۇلار ئۇخلاپ قالغاندا، ئاغزى ئېتىپ قويۇلغان بىر تۇڭدىن سۇ ئىچىپ، ئاندىن قاچىنى ئۆز پېتىچە مەھكەم ئېتىپ قويدى. دەل مۇشۇ ئىش رەسۇلۇللاھنىڭ مىئراج كېچىسىنىڭ ئەتىگىنى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىردىنبىر ماددىي پاكىت بولۇپ قالدى.

ئىبنى قەييۇم مۇنداق دەيدۇ: «ئەتىسى ئەتىگەن رەسۇلۇللاھ قۇرەيش خەلقىگە ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن بۇ كاتتا مۆجىزىنى بايان قىلىپ بېرىۋىدى، ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا بولغان گۇمانى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەزىيەت كۈلپەت يەتكۈزۈش ۋە زىيان-زەخمەت سېلىشى ئېشىپ باردى. ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن بەيتۇلمۇقەددەسنى تەسۋىرلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئۇ بەيتۇلمۇقەددەسنى كۆز ئالدىدا كۆرۈپ تۇرغاندەك مۇھىم جايلىرىنى ئېنىق ۋە ئەينەن تونۇشتۇرۇپ بېرىشكە باشلىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھقا رەددىيە قايتۇرالماي داڭ قېتىپ قېلىشتى. رەسۇلۇللاھ يەنە ئۇلارنىڭ كارۋىنىنىڭ سەپەر يۆنىلىشىنى ۋە قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بولۇپمۇ كارۋاننىڭ يېتىپ كېلىدىغان ۋاقتىنى خەۋەر قىلدى. ھەتتا كارۋاننىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ كېلىۋاتقان تۆگىنىمۇ ئېيتىپ بەردى. ئەمەلىيەتمۇ رەسۇلۇللاھ دېگەندەك چىقتى، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى ئاشۇرۇۋەتتى ۋە كاپىر زالىملار كۇفرىنىڭ غەيرىگە ئېيبا قىلىشتى.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەبۇ بەكرىنى «سىددىق» (راستچىل) دەپ ئاتىلىشى ئۇنىڭ بۇ ۋەقەنى ھەممە ئادەم يالغان دەپ دەرگۇمان بولغاندا ئۇ ئىككىلەنمەستىن، راست دەپ تەستىقلىغانلىقى ئۈچۈن ئىكەن.

خوش… ئەمدى بۇ سەپەر نېمە ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان؟ دېگەن سوئالغا بىرىلگەن ئەڭ قايىل قىلارلىق ۋە ئىخچام جاۋاپ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿لنريھ من اياتنا﴾ «ئۇنىڭغا بىزنىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن…»، «قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىسرا 1- ئايەت) دېگەن ئايىتىدۇر. ئاللاھ ئۆز دەرگاھىنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئىشى ئاللاھنىڭ جىمى پەيغەمبەرلىرىگە يولغا قويغان قانۇنىدۇر. ئاللاھتائالا سۈرە ئەنئامدا: ﴿و كۇالك نري ابراھيم ملكوت السموات والارگ و ليكون من الموقنين﴾ «ئىبراھىمنىڭ (تەۋھىد بارىسىدا) قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن (ئۇنىڭغا ئاتىسى بىلەن قەۋمىنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسەتكىنمىزدەك) بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى كۆرسەتتۇق». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنئام 75- ئايەت) دېدى ۋە سۈرە تاھادا مۇسا ئەلەيـھىسسالامغا خىتاپ قىلىپ: ﴿لنريك من اياتنا الكبرۈ﴾ تەرجىمىسى: «ساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزدىن بىر قىسمىنى كۆرسىتىمىز»، دېدى. ئاللاھ بۇ ئىرادىسىنى ئۆزىنىڭ: ﴿وليكن من الموقنين﴾ «قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن»، دېگەن ئايىتى ئارقىلىق چۈشەندۈردى.

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىلمىي تونۇشى، مۆجىزىلەرنى ئەمەلىي كۆرۈشكە بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە جەزملىشىدۇ. «ئاڭلىغان كۆرگەنگە يەتمەيدۇ». شۇڭا ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) خۇدا يولىدا باشقىلار سەبرى قىلالمايدىغان ئېغىرچىلىقلارغا سەبرى قىلالايدۇ ۋە دۇنيادىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا مىسلىسىز جاپا مۇشەققەت كۆلەڭگۈلىرىنى قانچە ھەيۋە بىلەن پولاڭلاتسىمۇ، بۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پاشىنىڭ قانىتىچىلىك ۋەزنىگە ئولتورمايدۇ.

مىئراج سەپىرىنىڭ باشقا ساھالىرىگە چېتىلىدىغان ھېكمەت ۋە سىرلىرىنى تەتقىق قىلىش ئورنى گەرچە ئىسلام پەلسەپىسىگە ئائىت كىتابلار بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ئاشۇ مۇبارەك زىيارەتنىڭ بۇلىقىدىن ئېتىلىپ چىقىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات باغچىسىغا قويۇلغان بىر قانچە جۈملە توغرا يەكۈن تامچىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

سۈرە ئىسرانى تىلاۋەت قىلغان ھەر قانداق بىر قارىي بۇ سۈرىدە ئاللاھ مىئراج ۋەقەسىنى پەقەت بىرلا ئايەتتە تىلغا ئېلىپ، ئارقىدىنلا يەھۇدىيلارنىڭ رەسۋاچىلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى بايان قىلىشقا تۇتۇش قىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئاندىن ئۇلارغا «قۇرئان كەرىم» توغرا يولغا باشلايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ قارى: «بۇ ئىككى ئايەتنىڭ ئۆزئارا ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنغۇ؟» دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. ۋەھالەنكى ئىش قارىنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس. ئاللاھ بۇ خىل ئىبارە كەلتۈرۈش ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ئارقىلىق مىئراجنىڭ تۇنجى بېكىتى بەيتۇلمۇقەددەس قىلىپ بېكىتىلىشى يەھۇدىيلار ھوقۇق مەنسەپ تۇتۇش سالاھىيىتىنى يوقىتىدىغان قەبىھ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانىيەتكە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى. بۇ ھوقۇق ۋە مەنسەپنى چوقۇم ئۆزىنىڭ يېڭى پەيغەمبىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىبراھىم ئەلەيـھىسسالام دەۋەت ئېلىپ بارغان مەركىزىي بازىلارنىڭ ئىككىلىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. مانا ھازىر ئىنسانىيەتنى روھىي جەھەتتىن يېتەكلەش ھوقۇقى، ئۆز تارىخىنى ئالدامچىلىق، خىيانەتكارلىق، گۇناھ، ئىسيانكارلىق ۋە ھەددىدىن ئېشىش جىنايەتلىرى بىلەن توشقۇزۇۋەتكەن بىر مىللەتتىن، ۋۇجۇدىدىن ياخشىلىق ۋە پەزىلەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، پەيغەمبىرى ھىدايەت نۇرى بولغان قۇرئان ۋەھىيىسى بىلەن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئۇلۇغ بىر مىللەتكە يۆتكىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى، دېگەننى ئىشارەت قىلماقچى ئىدى.

لېكىن بۇ ھوقۇق قانداق ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ؟ ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ مەككە تاغلىرىدا كىشىلەر تەرىپىدىن قوغلاندى قىلىنىپ، سەرسان ھالەتتە يۈرۈۋاتسا؟ مانا بۇ سوئال تۈگۈنچىنى يېشىپ، يەنە بىر ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئىسلام دەۋىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاياغلىشىش ۋە تامام بولۇشقا ئاز قالدى. ئەمدى ئۇسۇلى ئاۋۋالقىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يەنە بىر باسقۇچلۇق دەۋەت يېقىندا باشلىنىدۇ، دېگەن ھەقىقەت ئىدى. شۇڭا، بىز بەزى ئايەتلەرنىڭ مۇشرىكلارغا قارىتا ئوچۇق-ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قاتتىق تەنبىھ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ﴿و اۇا اردنا ان نھلك قريە امرنا متر فيھا ففسقوا فيھا فچق ىليھا القول فدمرناھا تدميرا﴾ تەرجىمىسى: «بىرەر شەھەر (ئاھالىسى)نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى (بىزگە ئىتائەت قىلىشقا) بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي پىسقى قىلىدۇ-دە، ئۇلارغا ئازابىمىز ھەق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز». («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەنى ئىسرائىل 16- ئايەت) ﴿و كم اھلكنا من القرون من بىد نوچ و كفۈ بربك بۇنوب ىبادھ خبيرا بپيرا﴾ تەرجىمىسى: «نۇھتىن كېيىن (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۇممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشتا، كۆرۈپ تۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر». («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەنى ئىسرائىل 17- ئايەت) ئاللاھ بۇ ئايەتلەرگە ئۇلاپلا مۇسۇلمانلار خۇددى ئايرىم بىر زېمىننى ئىگىلەپ، ئۇ زېمىندا ئۆز ئىشلىرىنى ھەر قايسى جەھەتتىن پۇختىلاپ، مۇكەممەل بىر ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىپ بولغاندەك، ئۇلارغا تەرەققىيات قائىدە-يوسۇنلىرىنى ۋە ئىسلامى جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ پرىنسىپ-بەلگىلىمىلىرىنى ئۆگۈتىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام يېقىن كەلگۈسىدە دەۋەت ئىشلىرى قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغان ناھايىتى بىخەتەر بىر پاناھگاھ تېپىۋالىدۇكى، ئۇ جاي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا دىن تارقىتىش مەركىزى بولۇپ قالىدۇ، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ.

مانا بۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ مۇبارەك سەپىرىنىڭ بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان سىرلىرىدىن بىر سىردۇر، بىز بۇ يەردە ئۇنى ۋاقىپلاندۇرۇپ ئۆتمەكنى ئىختىيار قىلىپ قالدۇق.

خوش … مانا مۇشۇنداق ئەسرار ۋە ھېكمەتلەرنىڭ جەھتىدىن ئىسرا ۋەقەسى بىرىنچى ئەقەبە بەيئىتىنىڭ ئالدىدا ياكى ئىككى بەيئەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇۋەپپەق قىلىنغان دەيمىز. (واللھ اىلم)

تۇنجى ئەقەبە بەيئىتى

يۇقىرىدا بىز يەسرەبلىك ئالتە نەپەر كىشى بىئسەتنىڭ 11- يىلى ھەج مەۋسۇمىدا مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇلار رەسۇلۇللاھقا بۇ ئەلچىلىكنى ئۆز قەۋملىرىگە چوقۇم يەتكۈزۈشكە ۋەدە بېرىشكەنىدى، دېگەنىدۇق.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلەر يىلى ھەج مەۋسۇمى (بىئسەتنىڭ 12- يىلى مىلادىيە 621- يىلى ئىيۇل)دا يەسرەبتىن 12 ئادەم ھەجكە كەلدى. ئۇلارنىڭ بەشى ئالدىنقى يىلى رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشكەنلەر (بۇ يىل كېلەلمىگەن بىر كىشى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى رىئاب ئىدى)، قالغان يەتتىسى يېڭىدا قوشۇلۇپ كەلگەنلەر ئىدى. ئۇلار:

1. مۇئاز ئىبنى ھارىس ئىبنى ئەپرائ، خەزرەج قەبىلىسى، بەنى نەججار جەمەتىدىن.

2. زەكۋان ئىبنى ئابدۇلقەيس، خەزرەج قەبىلىسى بەنى زۇرەيق جەمەتىدىن.

3. ئۇبادە ئىبنى سامىت، خەزرەج قەبىلىسى بەنى غەنەم جەمەتىدىن.

4. يەزىد ئىبنى سەئلەبە، خەزرەج قەبىلىسى بەنى غەنەم جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن.

5. ئابباس ئىبنى ئۇبادە ئىبنى نەزلە، خەزرەج قەبىلىسى بەنى سالىم جەمەتىدىن.

6. ئەبۇلھەيسەم ئىبنى تەيھان، ئەۋس قەبىلىسى بەنى ئابدۇلئەشھەل جەمەتىدىن.

7. ئۇۋەيم ئىبنى سائىدە، ئەۋس قەبىلىسى بەنى ئەمرى ئىبنى ئەۋف جەمەتىدىن.

بۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككىسى ئەۋس قەبىلىسىدىن، قالغانلىرى خەزرەج قەبىلىسىدىن ئىدى.

ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن مىنا تېغىدىكى ئەقەبە دېگەن جايدا ئۇچرىشىپ، ئاياللار بەيئەت قىلغاندەك (يەنى مەككە فەتھى قىلىنغاندا نازىل بولغان ئاياللار بەيئەت قائىدىسى بويىچە) بەيئەت بەردى. ئىمام بۇخارى ئۇبادە ئىبنى سامىت (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)تىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھ بىزگە: ‹كېلىڭلار! ماڭا ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا-پاھىشە قىلماسلىققا، بالىلىرىڭلارنى (كەمبەغەلچىلىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، ئۆز ئالدىڭلارغا بۆھتان ئويدۇرۇپ چىقماسلىققا ۋە ياخشى ئىشتا ماڭا ئاسىيلىق قىلماسلىققا بەيئەت بېرىڭلار، كىمكى ئۆز ۋەدىسىگە ۋاپا قىلسا، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ ۋە كىمكى شۇ ئىشلارنىڭ بىرەرسىگە چېتىلىپ قالسا، شۇ سەۋەبتىن دۇنيادا جازالانسا، ئۇ جازا ئۇنىڭغا كەفارەت بولىدۇ ۋە كىمكى شۇ ئىشلاردىن بىرەرسىنى سادىر قىلىپ قويۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ ئەيىبىنى ياپسا، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھنىڭ ئىلكىدەبولىدۇ. خالىسا ئازابلايدۇ، خالىسا ئۇنى كەچۈرۈم قىلىدۇ»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن (يەنە بىر نۇسخىدا بىز) رەسۇلۇللاھقا ئاشۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسىگە بەيئەت قىلدىم (ياكى قىلدۇق)، دېيىلگەن.

ئىسلام ئەلچىسى يەسرەبتە

بەيئەت تامام بولۇپ، ھەج پائالىيەتلىرىمۇ ئاخىرلىشىپ، ھاجىلار ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتىشقا باشلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام يەسرەبتىكى مۇسۇلمانلارغا ئىسلام شەرىئىتىنى ئۆگىتىش، دىنى ئەھكاملارنى چۈشەندۈرۈش ۋە شۇ يەردە تېخىچە شېرىك ئەقىدىسى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدا ئىسلام دەۋىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەلچىسىنى ئاشۇلارغا قېتىپ مەدىنىگە ئەۋەتمەكچى بولدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئەلچىلىككە ئەڭ دەسلەپ مۇسۇلمان بولغان ئىسلام ياش ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى بولغان مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نى تاللىدى.

خۇشاللىنارلىق نەتىجە

مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەسئەد ئىبنى زورارەنىڭ ئۆيىگە چۈشتى ۋە ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە يەسرەب ئاھالىسىغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. مۇسئەب ئۇزاق ئۆتمەي يەسرەب خەلقى ئارىسىدا «مۇقرىئۇن» (قۇرئان ئۆگەتكۈچى) دېگەن نام بىلەن تونۇلدى.

ئۇنىڭ ئىسلام دەۋىتىدە ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سورۇنلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ بىر كۈنى ئەسئەد ئىبنى زۇرارە بىلەن بەنىي ئابدۇلئەشھەل ۋە بەنى زەپەر مەھەللىلىرىگە دەۋەتكە چىققانىدى. ئۇلار بەنى زەپەر جەمەتىدىن بىر كىشىنىڭ بېغىغا كىرىپ، ئۇ يەردە «بىئرى مىرق»، دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇدۇقنىڭ لېۋىدە سورۇن تۈزۈپ ئولتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قېشىغا بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار جەم بولدى. دەل شۇ كۈنلەردە بەنى ئابدۇلئەشھەل جەمەتىنىڭ باشلىقى ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير بىلەن سەئەد ئىبنى مەئازلار تېخى مۇسۇلمان بولمىغان چاغلىرى ئىدى. بۇ ئىككىيلەننىڭ ھېلىقى قۇدۇق بويىدا سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، سەئد ئىبنى مۇئاز ئۇسەيدكە: «يۈر! بىزنىڭ، ساددا ئادەملىرىمىزنى ئەخمەق قىلغىلى كەلگەن ئاۋۇ ئىككىيلەننى توسقىن. ئۇلار بىزنىڭ بۇ يەرلىرىمىزگە كېلىپ يۈرمىسۇن! مەن باراي دېسەم ئەسئەد ئىبنى زۇرارە ھامماچامنىڭ ئوغلى، ئاشۇنداق بولمىغان بولسا، سېنى ئەۋەتمەي، ئۇلارغا ئۆزۈملا تېتىيتتىم»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير نەيزىسىنى ئېلىپ ھېلىقى باغ تەرەپكە چاپتى. ئەسئەد ئۇسەيدنىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، مۇسئەبكە: «بۇ كىشى بىر جەمەت خەلقنىڭ باشلىقى، سېنىڭ قېشىڭغا كەلدى چېغى، ئۇنىڭغا خۇدالىق ئۈچۈن تەسىرلەنگۈدەك ئىككى ئېغىز سۆز قىلىپ قويغىن»، دېدى. مۇسئەب: «ئەگەر ئولتۇرسا شۇنداق قىلاي»، دېدى. ئۇسەيد ھېلىلا تىل سالىدىغاندەك ئاچچىقى بىلەن كېلىپ، ئۇلارنىڭ بېشىدا توختىدى ۋە «سىلەرنى بۇ يەرگە كىم چاقىرىپ كەلدى؟ ئىش ئۇقمايدىغان ئاجىزلىرىمىزنى ئەخمەق قىلماقچىمۇسىلەر؟ ئۆزۈڭلارنىڭ خۇسۇسىي ھاجىتىڭلار بولسا ئېيتىڭلار، بولمىسا كۆزىمىزدىن غايىب بولۇڭلار!» دېدى. بۇ چاغدا مۇسئەب ئۇنىڭغا: «ئاۋۋال ئولتۇرۇپ تىڭشاپ باقمامسەن، سەن رازى بولغىدەك ئىش بولسا، قوبۇل قىلارسەن، ناۋادا ياقتۇرمىغۇدەك بولساڭ، ساڭا تاڭمايمىز»، دېدى. ئۇسەيد: «گېپىڭ ئورۇنلۇق»، دېدى-دە، نەيزىسىنى ئالدىغا سانجىپ قويۇپ، ئولتۇردى. مۇسئەب ئۇنىڭغا ئىسلام دىنىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ۋە مۇيەسسەر بولغان مىقداردا قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بەردى.

ئەسئەد ئىبنى زۇرارە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇسەيدنىڭ ئېغىزىدىن گەپ چىقىپ بولغۇچە، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ جىلۋە قىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىسلام نۇرى تەسىر قىلغانلىقىنى ھېس قىلغانىدۇق». تىلاۋەتتىن كېيىن، ئۇسەيد: «بۇ نېمە دېگەن مەزمۇنلۇق كالام ۋە نېمىدېگەن ياخشى دىن؟ بۇ دىنغا كىرمەكچى بولسا، نېمە ئىش قىلىش كېرەك؟» دەپ سورىدى. مۇسئەب بىلەن ئەسئەد: «ئاۋۋال غۇسلى تاھارەت ئالىسەن ۋە كىيىمىڭنى پاكلايسەن، ئاندىن شاھادەت ئېيتىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيسەن»، دېدى. ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير ئورنىدىن تۇرغانچە بىر خالىي ماكانغا بېرىپ غۇسلى قىلدى ۋە ئۈستىدىكى كىيىمىنى پاكىز كىيىمىگە ئالماشتۇردى ۋە سورۇنغا كېلىپ شاھادەت ئېيتتى. ئارقىدىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى، ئاندىن ئۇ: «مېنىڭ كەينىمدە بىر ئادەم بار، ئەگەر ئۇ سىلەرگە تابىي بولسا، ئۇنىڭ قەۋمىدىن بىرمۇ ئادەم بۇ ئىشتىن بويۇن تولغىمايدۇ. مەن ئۇنى ھازىرلا قېشىڭلارغا ئەۋەتەي»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەيزىسىنى ئېلىپ سەئەدنىڭ قېشىغا قايتتى. سەئەد ئىبنى مۇئاز قەۋمى-جامائەتلىرى بىلەن ئۆز سورۇنىدا ئۇسەيد كەتكەن چاغدىكىدەكلا ئولتۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ ئۇسەيدنى يىراقتىن كۆرۈپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇسەيد چوقۇم كەتكەن ھالىتى بىلەن كەلمىدى»، دېدى.

ئۇسەيد سورۇنغا كېلىپ توختىۋىدى، سەئەد: «ئۇلارنى قانداق قىلدىڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇسەيد: «مەن ئۇلار بىلەن سۆزلەشتىم، قەسەم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇلادا قوبۇل قىلغىلى بولمىغۇدەك يامانلىقنى كۆرمىدىم، ئەمما ئۇلارنى كەسكىن توسۇۋەتتىم. ئۇلار: ‹سېنىڭ دېگىنىڭدەك قىلىمىز›، دېيىشىپ قالدى»، دېدى.

ئۇسەيد گېپىگە ئۇلاپ: «ئوقۇشۇمچە، بەنى ھارىس جەمەتى ئەسئەد ئىبنى زۇرارىگە قارشى چىقىپ (ئۇنىڭ سېنىڭ ھامماچاڭنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ) سېنىڭ يۈزۈڭنى قىلماي ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ (مىش)»، دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەئەد دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇرنىدىن تۇردى ۋە قولىغا نەيزىسىنى ئېلىپ ئىككى يانغا قارىماي، ئۇ ئىككىيلەننىڭ قېشىغا باردى. سەئەد ئۇ ئىككىيلەننىڭ بىخارامان ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇسەيد مېنى بۇ ئىككىيلەننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ باقسۇن، دەپتۇ دېگەننى كۆڭلىگە كەلتۈردى- دە، غەزىپىنى زورىغا بېسىپ، ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ توختىدى ۋە ئەسئەد ئىبنى زۇرارىگە: «ئەزبىرايى خۇدا، ئى ئەبۇ ئۇمامە (ئەسئەدنىڭ كونىيتى)! ئەگەر ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئاشۇ ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق قىرابىتىمىز بولمىغان بولسا ئىدى، مۇنچىۋالا ئەدىپ كەتمىگەن بولاتتىڭ. سەن بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە ياقمايدىغان ئىشلارنى، ئىشىك ئالدىمىزغا ئەكېلىپ قىلىۋاتامسەن؟» دېدى.

ئەسئەد ئىبنى زۇرارە سەئەد يىراقتىن كېلىۋاتقان چاغدىلا مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرگە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مانا ئالدىڭىزغا بىر قەۋمنىڭ سەردارى يېتىپ كەلدى، ئۇ سىزگە تابىي بولسىلا ئۇنىڭ قەۋمىدىن بىرمۇ ئادەم ئىماندىن باش تارتمايدۇ»، دېگەنىدى. شۇڭا مۇسئەب سەئەدكە: «ئولتۇرمامسەن؟ ئاڭلاپ كۆرگىن، ئەگەر سەن رازى بولغۇدەك ئىش بولسا قوبۇل قىلارسەن، ناۋادا ساڭا ياقمىسا بىز كەتمەمدۇق»، دېدى. سەئەد: «سۆزۈڭ ئورۇنلۇق بولدى»، دېدى-دە، نەيزىسىنى يەرگە سانجىپ قويۇپ، مۇسئەبنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى. مۇسئەب ئۇنىڭغا ئىسلامنى چۈشەندۈردى ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىر ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئېغىزىنى ئېچىپ ئىپادە بىلدۈرۈپ بولغىچە، ئۇنىڭ چىرايى جىلۋە قىلىپ مەمنۇن بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئۇنىڭغا ئىسلام ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى، دەپ ئويلىغانىدۇق». تىلاۋەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۇ: «بۇ نېمدېگەن گۈزەل شېرىن كالام نېمىدېگەن ياخشى دىن! بۇ دىنغا كىرمەكچى بولسا نېمىلەرنى قىلىدۇ؟» دەپ سورىدى. مۇسئەب ئۇنىڭغا: «غۇسلى تاھارەت ئالىسەن، كىيىمىڭنى پاكلايسەن ۋە گۇۋاھلىق (كەلىمە شاھادەت) ئېيتىسەن، ئارقىدىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيسەن»، دېدى. سەئەد ئورنىدىن تۇرۇپ مۇسئەب دېگىنىدەك دېدى.

ئاندىن نەيزىسىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆز قەۋمىنىڭ مەجلىسىگە چاپتى. ئۇلار سەئەدنى كۆرۈپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ چوقۇم باشقا ھالەت بىلەن يېنىپ كەلدى»، دېيىشىپ ئولتۇرغانىدى. سەئەد ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىپ توختىدى ۋە: «ئى بەنى ئابدۇلئەشھەل جەمەتى سىلەر ماڭا قانداق قارايسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىزنىڭ باشلىقىمىز، دانا پىكىرلىك ياخشى ئادىمىمىز»، دېيىشتى. سەئەد: «ئۇنداق بولسا، سىلەرنىڭ ئەر-ئايال ھەر قاندىقىڭلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرمىگىچە ماڭا گەپ قىلىش ھارام»، دەپ جاكارلىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى كەچ كىرگەنگە قەدەر بەنى ئابدۇلئەشھەل جەمەتىدە پەقەت بىرلا ئەر (ئىسمى ئۇسەيرەم)دىن باشقا مۇسۇلمان بولمىغان ئادەم قالمىدى. پەقەت ئۇ (ئۇسەيرەم)نىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ئوھۇد ئۇرۇشىغىچە كېچىكىپ، ئۇ ئاشۇ ئۇرۇش بولىدىغان كۈنىلا مۇسۇلمان بولۇپ، جەڭگە قاتناشقانىدى، ئۇ مۇشرىكلارنى نۇرغۇن تالاپەتكە ئۇچرىتىپ ئاخىر شېھىت بولدى. دېمەك، ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ باقمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇنىڭ ھەققىدە: «ئۇ ئاز ئەمەل قىلىپ، كۆپ ئەجىرگە ئېرىشىدىغان بولدى»، دېدى.

مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير ئەسئەد ئىبنى زۇرارىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى. ھەتتا مەدىنىدە ئەنسار ئايماقلىرىدىن مۇسۇلمان بولمىغان بىرمۇ ئۆي ياكى ئائىلە قالمىدى. ھەممىسىدە مۇسۇلمان ئەر-ئاياللار بار بولدى. پەقەت بەنى ئۇمەييە ئىبنى زەيد، خەتىيمە ۋە ۋائىل مەھەللىسىدە بىر قانچە ئائىلىلا قېپقالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەيس ئىبنى ئەسلەت ئىسىملىك بىر شائىر (ئۇلار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلاتتى) بار ئىدى. ئۇ ئۆز قەۋمى بىلەن ئىسلامنى قوبۇل قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ، تاكى ھىجىرىيىنىڭ بەشىنچى يىلى خەندەك ئۇرۇشى ئالدىدا مۇسۇلمان بولدى.

كېلەر يىلى (يەنى بىئسەتنىڭ 13- يىلى) ھەج مەۋسۇمى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير غەلىبە خۇش بېشارەتلىرىنى ئېلىپ مەككىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ رەسۇلۇللاھقا يەسرەب قەبىلىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى ۋە ئۇ خەلقتىكى يوشۇرۇن، ياخشى خىسلەت ئىقتىدارلارنى ۋە ئۇلاردىكى ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە خورلۇققا باش ئەگمەسلىكتەك پەزىلەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتى

بىئسەت (رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولغان)نىڭ 13- يىلى (مىلادىيە 622- يىلى ئىيۇندا) ھەج مەۋسۇمىدا يەسرەبلىك مۇسۇلمانلاردىن يەتمىش نەچچە كىشى ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كەلدى. ئۇلار يەسرەبتىكى تېخىچە مۇسۇلمان بولمىغان مۇشرىك ھاجىلار بىلەن بىللە كەلگەنىدى. ئۇلار يەسرەبتىكى چاغلىرىدا بولمىسۇن ياكى يولدا كېلىۋاتقاندا بولمىسۇن ئىزچىل): «بىز رەسۇلۇللاھنى مەككە تاغلىرىدا قاچانغىچە قوغلاندى بولۇپ، دەككە-دۈككە ئىچىدە يۈرۈشىگە تاشلاپ قويىمىز؟» دەپ سوئال قويىشاتتى. ئۇلار مەككىگە كەلگەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىلىشىپ ئىككى تەرەپ تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مىنا تېغىنىڭ جەمرتۇلئولادىكى ئەقەبە جىلغىسى ئىچىدە ئۇچرىشىشقا، ئۇچرىشىشنى تۈن قاراڭغۇسىدا مەخپىي ئېلىپ بېرىشقا كېلىشتى.

بىز ھازىر ئەنسار رەھبەرلىرىدىن بىرىنى ئىسلام دىنى بىلەن بۇتپەرەسلىك كەسكىن ئېلىشىۋاتقان ئاشۇ ھالقىلىق كۈنلەردە تارىخ چاقىنى ئوڭغا بۇرىغان، بۇ ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى…

كەئب ئىبنى مالىك ئەنسارى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دەيدۇ: «بىز مەككىگە ھەجگە باردۇق ۋە رەسۇلۇللاھ بىلەن تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەقەبەدە ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشتۇق. بىز بىلەن جەمەتىمىزنىڭ باشلىقى ئابرۇيلۇق زات ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى ئىبنى ھەرام بىرگە بار ئىدى. بىز ئۇنى ھەجگە بىللە ئېلىپ كەلگەنىدۇق. بىز مۇشرىك سەپەرداشلىرىمىزدىن بۇ ئۇچرىشىشنى باشتىن-ئاخىرى سىر تۇتۇپ كەلگەنىدۇق. شۇڭا، بىز ئۇنىڭغا گەپ قىلدۇق ۋە «ئى ئەبۇ جابىر! (ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىرنىڭ كونىيتى) سەن بىزنىڭ باشلىقىمىز ۋە جەمەتىمىزنىڭ نوپۇزلۇق ئەربابى. سەن مۇشۇ پېتى غەپلەتتە كېتىۋېرىپ، ئاخىر دوزاخقا يەم بولۇپ كېتىشىڭگە چىداپ تۇرالمايمىز»، دېدۇق. ئاندىن ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدۇق ۋە ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەقەبەدە ئۇچرىشىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردۇق. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ھېچ تاقارىشمايلا مۇسۇلمان بولدى ۋە بىز بىلەن ئەقەبە ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ جەمەتىمىزنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

كەئب مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن بىز يەسرەبتىن بىللە كەلگەن مۇشرىك سەپەرداشلار بىلەن ياتاقلىرىمىزغا كىرىپ ئۇخلاپ قالدۇق. كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتۈۋىدى، ياتقان جايلىرىمىزدىن ھېچكىشىگە تۇيدۇرماي شىپىر-شىپىر سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئەقەبەدىكى ھېلىقى جىلغىغا توپلاندۇق. بىز 73 ئەر ۋە ئىككى ئايال (نەسىيبە — كەئبنىڭ قىزى، بەنى مازىن جەمەتىدىن. ئەسما — ئەمرىنىڭ قىزى، بەنى سەلىمە جەمەتىدىن) ئىدۇق.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىز جىلغىغا يىغىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇق. ئۇزاق ئۆتمەي رەسۇلۇللاھمۇ يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن (تاغىسى) ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ بىللە كەپتۇ. (ئۇ ئاشۇ كۈنلەردە تېخى مۇسۇلمان بولمىغان بولسىمۇ)، بىراق ئۇ ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئوغلىنىڭ بۇ ئىشىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەھدۇپەيمان ئېلىپ، ئىشنى پۇختىلاش ئۈچۈن كەلگەنىكەن. شۇڭا ئۇ تۇنجى بولۇپ سۆز قىلدى.

سۆزلىشىشنىڭ باشلانغانلىقى ۋە ئابباسنىڭ مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكلەر تولۇق كېلىپ بولغاندىن كېيىن، دىنى ۋە سىياسىي ئەھدىلەرنى ئېلىش ئۈچۈن سۆزلىشىش باشلاندى. رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ دەسلەپ قىلىپ سۆز قىلدى. ئۇ كۆپچىلىككە بۇ ئىتتىپاق ئەھدىسىنى تۈزگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدىغان مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى (ئوچۇق) ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئى خەزرەج خەلقى! (ئەرەبلەر ئەۋس، خەزرەج ئىككى قەبىلىنى «خەزرەج» دەپلا ئاتايتتى) ئۇ (مۇھەممەد)نىڭ جەمەتىمىزدىكى ئورنىنى بىلىسىلەر، گەرچە بىز ئۇنىڭ دىنىدا بولمىساقمۇ، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلغۇچى مۇخالىپ كۈچلەردىن ئۇنى قوغداپ كېلىۋاتىمىز، ھېلىھەم قېشىمىزدا تۇرسا داۋاملىق ئەزىزلىنىدۇ ۋە پىداكارلىق بىلەن قوغدىلىدۇ. ئۇ سىلەرگە قېتىلىپ شۇ تەرەپلەرگە كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، سىلەر ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ئەمەل قىلساڭلار ۋە ئۇنى دۈشمەنلىرىدىن قوغدىيالىساڭلار بارسا بارسۇن، ناۋادا سىلەر ئۇنى ئۆز يۇرتىدىن ئېلىپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن، تاشلىۋېتىپ دۈشمەنلىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغاندەك بولساڭلار مانا ھازىردىن باشلاپ قېپقالسۇن. ئۇ ئۆز جەمەتى ۋە ئۆز ۋەتىنىدە ئوبدان ئەزىزلىنىدۇ ۋە قوغدىلىدۇ».

كەئب مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا: ‹سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىدۇق، ئەمدى سەن بىر گەپ قىلىپ باققىن ئى رەسۇلۇللاھ! ۋە ئۆزۈڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن قانداق شەرتلىرىڭ بولسا ئوتتۇرىغا قويغىن! دېدۇق».

مانا بۇ جاۋاب ئۇلارنىڭ بۇ ئۇلۇغ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا ۋە بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشتا يۈكسەك ئىرادە، قەتئىي نىيەت، باتۇرانە جاسارەت ۋە كامىل ئىمانغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن بەيئەت تامام بولدى.

بەيئەت ماددىلىرى

ئىمام ئەھمەد ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «بىز رەسۇلۇللاھقا: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! بىز ساڭا نېمىگە بەيئەت قىلىمىز؟› دېگەنىدۇق. رەسۇلۇللاھ: سىلەر

1. مەيلى روھىڭلار كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن ھالەتتە بولسۇن ۋەياكى روھسىز، بوشاڭ ھالەتتە بولۇڭلار، گېپىمنى ئاڭلاشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا؛

2. مەيلى قىيىنچىلىق ۋە مەيلى كەڭرىچىلىك مەزگىللىرى بولسۇن ھەممىسىدە پۇل-ماللىرىڭلارنى ئايىماسلىققا؛

3. ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇشقا، يامان ئىشلاردىن توسۇشقا؛

4. ئاللاھ يولىدا سابىت بەر قەدەم بولۇشقا ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ھەر قانداق تاپا-مالامەت، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماسلىققا؛

5. مەن ئۇ يەرگە بارغىنىمدا ماڭا ياردەم قىلىشقا، ۋە مېنى ئۆز نەپسىڭلارنى، خوتۇن-قىزلىرىڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى قوغدىغاندەك قوغداشقا بەيئەت قىلىسىلەر ۋە ئۇنىڭ بەدىلىگە سىلەرگە جەننەت بار، دېدى».

ئىبنى ئىسھاق نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە كەئب ئىبنى مالىكنىڭ يەنە مۇشۇ ماددىلاردىن ئەڭ ئاخىرقى بىر ماددىدا مۇنداق دېگەن: «شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سۆز قىلدى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بەردى ۋە ئاللاھقا دەۋەت قىلدى ۋە ئىسلامنى چۈشەندۈردى، ئاندىن مۇنداق دېدى: ‹مەن سىلەردىن، مېنى خوتۇن-قىزلىرىڭلارنى ۋە بالا-چاقىلىرىڭلارنى قوغدىغاندەك ھەر قانداق بىر كېلىشمەسلىكتىن قوغداشقا بەيئەت ئالىمەن›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بەرائ ئىبنى مەئرۇر رەسۇلۇللاھنىڭ قولىنى تۇتۇپ: ‹شۇنداق، سېنى ھەق بىلەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز سېنى جېنىمىزنى قوغدىغاندەك قوغدايمىز، بىزنىڭ بەيئىتىمىزنى قوبۇل قىلغىن، ئى رەسۇلۇللاھ! ئەزبىرايى خۇدا، بىز جەڭ مەيدانىدا چوڭ بولغانلارمىز، جەڭگىۋارمىز، جەڭ بىزنىڭ ئاتا مىراسىمىزدۇر›، دېدى».

كەئب مۇنداق دەيدۇ: «بەرائ رەسۇلۇللاھقا يۇقىرىقى گەپنى دەپ تۇراتتى، ئەبۇلھەيسەم ئىبنى تەيھان گەپنى بۆلۈۋەتتى. ئۇ: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ ئا… ئادەملەر (يەھۇدىيلارنى دېمەكچى) بىلەن توختام ئەھدىلىرىمىز بار. بىز ئۇنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولۇۋاتىمىز، ئەگەر بىز شۇنداق قىلساق، كېيىنكى كۈنلەردە ئاللاھ سېنى غالىب قىلسا، بىزنى تاشلاپ مەككىدىكى قەۋم-قېرىنداشلىرىڭنىڭ يېنىغا كېتىۋالارسەنمۇ؟›، دېدى. رەسۇلۇللاھ تەبەسسۇم قىلىپ كۈلۈپ قويدى، ئاندىن مۇنداق دېدى: ‹ياق، مەن سىلەر بىلەن گۆش بىلەن قاندەك ۋە خىش بىلەن لايدەك. بەلكى، مەن سىلەرنىڭ، سىلەر مېنىڭ، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار، مېنىڭ دۈشمىنىم. سىلەرنىڭ دوستۇڭلار مېنىڭ دوستۇم› ».

بەيئەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قايتا تەكىتلەش ۋە چىڭىتىش

بەيئەتنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىشىش ئاخىرلىشىپ، كۆپچىلىك بەيئەت ئەھدىسىنى بېرەيلى، دەپ تۇرغاندا، ئالدىنقى ئىككى يىلدا بىئسەتنىڭ 11-، 12- يىللىرى مۇسۇلمان بولغان پېشقەدەملەردىن ئىككى كىشى كۆپچىلىككە: «ئەھۋالنى ياخشى چۈشەنمەي تۇرۇپ بەيئەت قىلىپ سالماسلىق ئۈچۈن بەيئەت ئەھدىسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تەكىتلەش ۋە ئۇلارنىڭ قۇربان بېرىش ئىرادىسىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئۇقۇپ بېقىش مەقسىتىدە ئارقا-ئارقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بەيئەتكە قول بېرىشكە تەييار تۇرغان پەيتتە ئابباس ئىبنى ئۇبادە ئىبنى نەزلە ئورنىدىن تۇرۇپ: ‹(قېرىنداشلار) بۇ ئادەمگە نېمىگە بەيئەت بېرىۋاتقىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟› دېۋىدى، كۆپچىلىك: ‹ھەئە، بىلىمىز›، دېيىشتى. ئابباس: ‹شەك-شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق ئاق تەنلىك ۋە قارا تەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن دۈشمەنلىشىشكە بەيئەت قىلىۋاتىسىلەر، ئەگەر سىلەر ئىقتىسادىڭلار زىيانغا ئۇچراپ، يېقىن قان-قېرىنداشلىرىڭلار چىقىم بولۇپ كەتكىلى تۇرسا، ئۇنى تاشلىۋېتىدىغاندەك بولساڭلار، مانا ھازىر ئوچۇقىنى دەڭلار، مۇشۇ يەردە قالسۇن، ئۇنداق قىلىش (ئىلاھىم پاناھلىق بەرگەي) دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سەتچىلىكتۇر. ئەمما، مال-مۈلۈك، جان-تەن دېمەيمىز، پەيغەمبەرگە بەرگەن ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىمىز، دېسەڭلار، بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نىجاتلىقنىڭ بېشارىتىدۇر›، دېدى. ئۇلار: ‹بىز رەسۇلۇللاھنى مال-مۈلۈكىمىزدىن ئايرىلساقمۇ، ئەڭ مۆتىۋەر كىشىلىرىمىزدىن جۇدا بولساقمۇ، رەسۇلۇللاھنى چوقۇم ئېلىپ كېتىمىز، ئى رەسۇلۇللاھ! ئەگەر بىز ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلساق، بىزگە قانداق مۇكاپات بار؟› دېيىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹جەننەت›، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار تەرەپ-تەرەپتىن: ‹قولۇڭنى چىقارغىن›، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ قولىنى چىقىرىۋىدى، ئۇلار بىر-بىرلەپ رەسۇلۇللاھنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، بەيئەت قىلىشقا باشلىدى».

جابىر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ رىۋايىتىدە: «بىز رەسۇلۇللاھقا بەيئەت قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدىن تۇرىۋىدۇق، ئەسئەد ئىبنى زۇرارە (ئۇ ھەممىمىزدىن كىچىك ئىدى) رەسۇلۇللاھنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ‹ئى يەسرەب خەلقى! ئالدىرىماڭلار، بىز بۇ كىشنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئۇنىڭ يېنىغا تۆگىلىرىمىزنى ھاسىرىتىپ، يۈگۈرۈشۈپ كەلدۇق، بۈگۈن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش دېگەنلىك بارلىق ئەرەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزنى ئۆلۈمگە نىشان قىلىش دېگەنلىكتۇر، مۇشۇنىڭغا سەبرى قىلىپ بەرداشلىق بېرەلىسەڭلار، ئېلىپ چىقىپ كېتەيلى، ئەجرىمىزنى خۇدا كامىل بېرەر، ياق ئەمدى كۆڭلۈڭلاردا بىر ئاز غۇبار بولىدىغاندەك بولسا، مۇشۇ يەردە قالسۇن، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئەڭ ياخشى ئۆزرىدۇر›، دېدى».

بەيئەت توختامنامىسى

بەيئەت ماددىلىرى بېكىتىلىپ قايتا-قايتا تەكىتلەنگەندىن كېيىن، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەيئەت باشلاندى.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئەسئەدنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى نەقىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن) مۇنداق دېدى: «ئۇلار: ‹ئى ئەسئەد! رەسۇلۇللاھنىڭ قولىنى قويۇۋەت، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز بۇ بەيئەتنى قولدىن بەرمەيمىز، بەيئەتتىن كېيىن خىيانەتمۇ قىلمايمىز›، دېيىشتى. بۇ چاغدا ئەسئەد كۆپچىلىكنىڭ نەقەدەر قىزغىن، پىداكار ۋە ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدى-دە، ئۇ (مەدىنىدە مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير بىلەن بىللە دەۋەتچى بولغانىدى. ئەمدى ئۇ بۇ قېتىم بەيئەت قىلغۇچىلارنىڭ دىنىي رەئىسى بولۇپ) دەسلەپ قىلىپ بۇ بەيئەتكە قول قاقتى.

ئىبنى ئىسھاق: «بەنى نەججار جەمەتى ئەسئەد ئىبنى زۇرارە رەسۇلۇللاھنىڭ قولىنى تۇنجى بولۇپ تۇتقان كىشى دەيدۇ»، دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئومۇمىيۈزلۈك بەيئەت قىلىش باشلاندى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بىردىن-بىردىن بېرىپ بەيئەت قىلاتتۇق، بىزدىن بەيئەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ھېلىقى ئىككى ئايال ئاغزاكى بەيئەت قىلدى. رەسۇلۇللاھ نامەھرەم ئاياللارنىڭ قولىنى تۇتمىغانىدى» دېگەن.

ئون ئىككى ۋەكىل

بەيئەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇلاردىن بەيئەت ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئۆز قەۋملىرىگە مەسئۇل بولالايدىغان نوپۇزلۇق كىشىدىن ئون ئىككى كىشىنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىلەر ماڭا قەۋمىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغان ئون ئىككى كىشىنى كۆرسىتىپ بېرىڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا ئۇلارنىڭ نامزاتى كۆرسىتىلىپ، ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى. ئۇلار خەزرەج قەبىلىسىدىن توققۇز، ئەۋس قەبىلىسىدىن ئۈچ كىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:

خەزرەج قەبىلىسىنىڭ ۋەكىللىرى:

1. ئەسئەد ئىبنى زۇرارە.

2. سەئد ئىبنى رەبىئە ئىبنى ئەمرى.

3. ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە ئىبنى سۇئلەبە.

4. رافىئە ئىبنى مالىك ئىبنى ئەجلان.

5. بەررائ ئىبنى مەئرۇر ئىبنى سەخرى.

6. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى ئىبنى ھارام.

7. ئۇبادە ئىبنى سامىت ئىبنى قەيس.

8. سەئد ئىبنى ئۇبادە ئىبنى دەلىم.

9. مۇنزىر ئىبنى ئەمرى ئىبنى خۇنەيس.

ئەۋس قەبىلىسىنىڭ ۋەكىللىرى:

1. ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير ئىبنى سىماك.

2. سەئەد ئىبنى خەيسەمە ئىبنى ھارىس.

3. رىفائە ئىبنى ئابدۇلمۇنزىر.

مەزكۇر ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ بۇ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇل باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلاردىن قايتا ئەھدۇپەيمان ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ھەۋارىيۇن (ئىيسا ئەلەيـھىسسالامنىڭ ياردەمچىلىرى)لار ئۆز قەۋملىرىگە كېپىل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ ئۆز قەۋمىڭلارغا كېپىل، مەنمۇ ئۆز قەۋمىم (يەنى مۇسۇلمانلارغا)گە كېپىل. ۋەكىللەر: «ئەلۋەتتە» دېيىشتى.

شەيتان يىغىلىشنى پاش قىلىپ قويدى

ئەھدىنامىنى چىڭىتىش ئىشى ئاياغلىشىپ بەيئەتچىلەر تارقىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، شەيتاننىڭ بىرى بۇ يىغىلىشنى پاش قىلىپ قويدى.

شەيتان بۇ ئەھۋالنى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا بايقاپ قالغان بولغاچقا تېخى جىلغىدىن ئايرىلىپ بولالمىغان بەيئەتچىلەرنى تۆپىلەپ كېلىپ تۇتۇپ، ئەدىپىنى بەرگۈزۈش ئۈچۈن قۇرەيشلەرنى خەۋەرلەندۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمەيتتى. شۇڭا، ئۇ ئېگىز بىر دۆۋىگە چىقىپ، ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئى يەرلىك ئاھالىلەر! سىلەر مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ بىلەنكى بىر ئوچۇم كىشىلەر بىلەن كارىڭلار يوقمۇ؟ ئۇلار سىلەرگە قارشى جەڭگاھتا ئۇچرىشىشقا كېلىشتى»، دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ: «بۇ، مۇشۇ ۋادىنىڭ رەزىلى ئىدى، خەپ توختاپتۇر، خۇدانىڭ دۈشمىنى! سەن بىلەن ئايرىم ئېلىشمىسام»، دېدى. ئاندىن ئۇلارنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرىدى.

ئەنسارلارنىڭ قۇرەيشلەرگە زەربە بېرىشكە تەييارلىنىشى

بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان ئابباس ئىبنى ئۇبادە ئىبنى نەزلە: «سېنى ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن ماقۇل كۆرسەڭ، بىز ئەتە ئەتىگەن مىناغا قىلىچنى كۆتۈرۈپ چىقىمىز»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «بىز ھازىر ئۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلمىدۇق، ھازىرچە ياتاقلىرىڭلارغا قايتىپ تۇرۇڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياتاقلىرىغا قايتىپ ئۇخلاپ قېلىشتى.

قۇرەيش تەرەپ يەسرەب كاتتىلىرىغا نارازىلىق ئەرزى سۇندى

شەيتان مەلئۇننىڭ بۇ ئاۋازى قۇرەيشلەرگە ئاڭلىنىۋىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەشۋىش ۋە ئەنسىزلىك كەيپىياتى تۇغۇلدى. چۈنكى، ئۇلار بۇنداق بەيئەتنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن قانچىلىك ئېغىر خەۋپ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا، ئۇلار ئەتىسى تاڭ سۈزۈلىشى بىلەن تەڭ بىر قىسىم ئوت قۇيرۇقى ئەمەلدارلاردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ ھېلىقى توختامغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يەسرەبلىكلەر چۈشكەن مەنزىلگە كەلدى ۋە «ئى خەزرەج خەلقى! ئوقۇشىمىزچە، سىلەر بىزنىڭ ھېلىقى ئادىمىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋېتىپسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىلەن ئۇرۇشۇشقا، ئۆلۈمگە ئەھدى بېرىپسىلەر، ئەزبىرايى خۇدا، ھەر قانداق بىر ئەرەب قەبىلسىگە سېلىشتۇرغاندا سىلەر بىلەن قىلىچ تەڭلىشىش كۆڭلىمىزگە ياقمايتتى»، دېيىشتى.

بەيئەت تۈن نىسپىدە ئىنتايىن مەخپىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلغاچقا ھەج ئۆمىكى ئىچىدىكى مۇشرىكلار بۇنىڭدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى. شۇڭا، بۇ مۇشرىكلار ھاڭ-تاڭ بولۇشۇپ: «بۇ نېمە گەپ، بۇ يەردە ھېچ ئىش بولمىدى»، دېيىشىپ قەسەم ئىچىپ بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇلنىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «بۇ دېگەن يالغان گەپ، بىزدە بۇنداق ئىش بولمىدى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ يەردە ئەمەس، ھەتتا يەسرەبتىكى چاغدىمۇ مەندىن بىسوراق ئىش قىلمايتتى»، دېدى. مۇسۇلمانلار بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ قويۇپ، بىرسىمۇ ئېغىز ئېچىپ «شۇنداق» ياكى «ئەمەس»، دېمەي جىم-جىت تۇرۇشتى.

قۇرەيش تەرەپ بولسا ئاشۇ مۇشرىكلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئامالسىز قايتىپ كېتىشتى.

مەزكۇر خەۋەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغىنى ۋە قۇرەيشلەرنىڭ بەيئەتچىلەرنى قوغلىغانلىقى

قۇرەيش ۋەكىللىرى ھېلىقى چاغدا خەۋەرنىڭ (راست) يالغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەي قايتقانىدى. لېكىن، ئۇلار مەككىگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىن داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاخىر خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، بەيئەتنىڭ ھەقىقەتەن پۈتۈشۈلۈپ تاماملانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ چاغدا ھاجىلار ئاللىبۇرۇن مەككىدىن ئايرىلىپ بولغانىدى. شۇڭا، ئۇلاردىن بىر توپ ئاتلىق تېزدىن تەييارلىنىپ، يەسرەپلىكلەرنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئاتلاندى. لېكىن، پۇرسەت قولدىن كەتكەن بولغاچقا، سەئەد ئىبنى ئۇبادە بىلەن مۇنزىر ئىبنى ئەمرىدىن باشقا ھېچكىمنى ئۇچرىتالمىدى. ئۇلار بۇ ئىككى كىشىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇلارنى قوغلاشقا باشلىدى. ئاخىرى سەئەد ئىبنى ئۇبادەنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ قوللىرىنى ئۆز ئۇلىغىنىڭ چۇلۋۇرى بىلەن بوينىغا قايرىپ باغلاپ، ئۇرۇپ-تىللاپ، چاچ-ساقاللىرىدىن سۆرەپ مەككىگە ئېلىپ كىردى. لېكىن، ئۇ شۇ ھامانلا مەككە پېشىۋالىرىدىن مۇتئىم ئىبنى ئەدىي ۋە ھارىس ئىبنى ھەرب ئىبنى ئۇمەييەلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ يەسرەبكە قايتتى. چۈنكى، سەئەد بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ كارۋانلىرىنىڭ مەدىنىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كۆپ قېتىم كاپالەتلىك قىلغانىدى. ئەنسارلار يول ئۈستىدە سەئەدنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئۇقۇپ، مەككىگە قايتىپ سەئەدنى قۇتقۇزۇپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتقاندا،سەئەد يىراقتىن پەيدا بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەممەيلەن مەدىنىگە ساق-سالامەت يېتىپ بېرىۋالدى.

مانا بۇ بەيئەت (تارىختا چوڭ ئەقەبە بەيئىتى دەپ ئاتالغان) ئەقەبە ئىككىنچى (چوڭ) بەيئىتىدۇر. ئۇ تارقاق ھالەتتە ياشاۋاتقان مۇئمىنلەر ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق، ئىگىدارچىلىق ۋە ئۆزئارا ياردەمدە بولۇش ئەھدىنامىسى ئورناتقان ۋە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ، ماددىي ۋە مەنىۋى جاسارەت ئاتا قىلغان، مۇشۇ يولدا بارلىقىنى ئاتاش ئىرادىسىنى تىكلىگەن ئەھمىيەتلىك چوڭ بىر بەيئەت بولغان ئىدى. ئالايلى، يەسرەبلىك بىر مۇئمىن مەككىدە بوزەك قىلىنىۋاتقان يەنە بىر مۇئمىن قېرىندىشىغا ئىچ ئاغرىتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا بولۇشۇپ، زالىم كۈچلەردىن ئۇنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاللاھ ئۈچۈن دوستلاشقان بۇ قېرىندىشىغا نىسبەتەن ھەقىقىي دوستلۇق ھېسسىياتى جۇش ئۇرۇپ جەۋلان قىلىۋاتىدۇ.

بۇ خىل ھېسسىيات ۋە بۇ خىل دوستلۇق تۇيغۇسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ بارىدىغان ئۆتكۈنچى (يەنى ۋاقىتلىق) مايىللىقنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى دوستلۇقنىڭ ئاساسىي مەنبىئى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ھەقىقىي ئىخلاس بىلەن ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتتىكى جۇلاسى ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئىمان ھەرقانداق زۇلۇم-سىتەم ۋە بىر ياۋۇز كۈچ ئالدىدا بوشاپ باش ئەگمەيدۇ. مانا مۇشۇنداق چىن خالىس ئىمان ھەرىكەتكە كەلسە ئەقىدە ۋە ئەمەلدە ئۆز كارامىتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە نامايان قىلىدۇ.

مۇسۇلمانلار مانا مۇشۇنداق كامىل ئىمان ئارقىلىق دۇنيا تارىخى بېتىگە شۇنداق ئۇلۇغۋار، شۇنداق كاتتا ئىشلارنى پۈتۈپ قويۇپ كەتتى، ئۇزاق ئۆتمۈشمۇ ۋە ھازىرقى (ئاتوم) دەۋرىمۇ ئۇنىڭ مىسلى (ئوخشىشى)گە مۇيەسسەر بولالمىدى ۋە يىراق كەلگۈسىدىمۇ تېخى ئۇنداق تۆھپىلەرنى يارىتالىشى ناتايىن.

ھىجرەت پىشۋالىرى

ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىسلام دىنى كۇفرى ۋە جاھالەت دولقۇنىدا مەۋج ئۇرۇۋاتقان ئاشۇ سەھرانىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن ئۆزىگە مۇستەقىل بىر ۋەتەن تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇۋىدى، (ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ بەيئەت ئىسلامى دەۋەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت ئىدى) پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مۇسۇلمانلارغا مۇشۇ يېڭى ۋەتەنگە ھىجرەت قىلىشقا ئىجازەت قىلدى.

ھىجرەت قىلىش دېگەنلىك ماددىي مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىش، مال-مۈلۈك ۋە پاراۋان تۇرمۇشنى قۇربان بېرىپ، ئۆز جېنىنى جايلاپ چىقىپ كېتىش، دېگەنلىكىلا بولماستىن بەلكى، ھىجرەت قىلغان كىشىنىڭ مال-مۈلكى تالان-تاراج قىلىنىشى، ھەتتا ھالاك بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ كەلگۈسى ئىستىقبالى تېخىچە نامەلۇم بىر نىشانغا قاراپ يول ئالدى. بۇ يولدا قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىكلەر ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر، ئازاب-ئوقۇبەت، دىشۋارچىلىقلار بار. ئۇنى كىشى بىلمەيدۇ دېگەننى ئۇقتۇراتتى.

مۇسۇلمانلار مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇقۇپ تۇرۇپ، ھىجرەت قىلىشقا باشلىدى. مۇشرىكلار بۇ دولقۇننىڭ كېيىنكى خەتىرى ۋە تەھدىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى ھىجرەتتىن توسۇشقا باشلىدى.

1. ئەڭ دەسلەپ ھىجرەت قىلغانلاردىن بىرى ئەبۇ سەلىمە ئىدى (ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە ئۇ ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتىدىن بىر يىل بۇرۇن ھىجرەت قىلغان دېيىلىدۇ). ئۇ ئايالى ۋە ئوغلى ئۈچ كىشى بىرلىكتە ھىجرەت قىلماقچى بولغان ئىدى. ئۇلار تەييارلىنىپ يولغا چىقىش ئالدىدا، ئۇنىڭ قېينى ئاغىلىرى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ: «ئۆزۈڭ يالغۇز چىقىپ كەت، بىز ھەمشىرىمىزنى ھەرگىز ماڭدۇرمايمىز، ئۇنى نەلەردە سۆرەپ يۈرۈيسەن»، دەپ ئۇنىڭ ئايالىنى سالدۇرۇۋالدى. ئەبۇ سەلىمەنىڭ جەمەتى ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن غەزەبلىنىپ: «سىلەر (ئايال تەرەپكە) ساھىبىمىزدىن ئۇنىڭ ئايالىنى سالدۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلىدا نېمە ھەققىڭلار بار؟» دەپ بالىنى تارتىشىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ قۇلىنى چىقىرىۋەتتى ۋە ئەبۇ سەلەمەنىڭ تۇققانلىرى بالىنى ئېلىپ كەتتى. ئەبۇ سەلىمە بولسا ئۆزى تەنھا مەدىنىگە قاراپ يول ئالدى. ئۇممۇ سەلىمە بولسا ئېرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ۋە ئوغلىنىڭ قولىنىڭ ناكا بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ھەسرەت چېكىپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ئەبتەھ (مەككىنىڭ شىمالىدىكى تاشلىق)كە چىقىپ مەدىنە تەرەپكە قاراپ ياش تۆكەتتى، تاكى ئۇ كەچ كىرگەندە ئاندىن قايتىپ كىرەتتى. مۇشۇنداق قىلىپ بىر يىل ئۆتتى. ئاخىر ئۇنىڭغا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرسى ئىچ ئاغرىتىپ: «بۇ بىچارىنى يولغا سېلىپ قويايلى، ئۇنى ئېرىدىن ۋە جىگەر پارىسىدىن ئايرىۋەتتۇق»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇممى سەلەمەگە: «خالىساڭ، ئېرىڭنىڭ قېشىغا كەتكىن»، دېيىشتى. ئۇممۇ سەلىمە شۇ ھامانلا ئەبۇ سەلىمە تەرەپتىن ئوغلىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ (500 كىلومېتىردەك يىراقلىقتىكى) مەدىنىگە ئۆزى يالغۇز يولغا چىقتى. ئۇ تەنئىم دېگەن يەرگە بارغاندا شامدىن كېلىۋاتقان ئوسمان ئىبنى تەلھە ئىبنى ئەبۇ تەلھە بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، كەينىگە يېنىپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، مەدىنىگە ئاپىرىپ قويدى. ئوسمان ئىبنى تەلھە ئۇممۇ سەلىمىگە قۇبا (كەنىت)نى يىراقتىن كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «يۈرۈڭ، كىرىپ كېتىڭ، ئاللاھ ئامان قىلغاي، ئېرىڭىز مۇشۇ كەنتتە»، دەپ قويۇپ مەككىگە قايتتى.

2. سۇھەيب ئىبنى سىنان رۇمى. سۇھەيب مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا، قۇرەيش كاپىرلىرى ئۇنىڭغا كۆز قىزارتتى ۋە : «سەن يۇرتىمىزغا ھېچنەرسىسى يوق پەيدا بولغانىدىڭ، بىزنىڭ قوللاپ، ئارىغا ئېلىشىمىز بىلەن پۇل، ماللىق بولدۇڭ، ئىناۋەت ئابرۇيغا ئېرىشتىڭ، ئەمدىلىكتە سەن ھەممە نەرسەڭنى ئېلىپ بۇ يەردىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋاتامسەن؟ ياق، ئەزبىرايى خۇدا، ھەرگىز ئۇنداق ئىش بولمايدۇ» دەپ ئالدىنى توستى. بۇ چاغدا سۇھەيب ئۇلارغا: «مال-دۇنيالىرىمنى سىلەرگە تاشلاپ چىقىپ كەتسەم، يولۇمنى بوشىتامسىلەر؟» دېگەنىدى، ئۇلار: «شۇنداق»، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن سۇھەيب: «ئۇنداق بولسا، مەن ماللىرىمنى سىلەرگە قالدۇرۇپ چىقىپ كېتەي»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ: «سۇھەيب (بۇ سودىدا) پايدا ئالدى، سۇھەيب (بۇ سودىدا) پايدا ئالدى»، دەپ تەكرارلىدى.

3. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىلەن ئىياش ئىبنى رەبىيئە ۋە ھىشام ئىبنى ئاس (ئىبنى ۋائىل) قاتارلىقلار مەككە سىرتىدىكى بىر جايدا قونۇپ، ئەتىسى شۇ يەردىن ئۇدۇل مەدىنىگە قاراپ يۈرۈپ كېتىشكە ۋەدىلەشكەنىدى. راست دېگەندەك، كەچتە ئۆمەر بىلەن ئىياش كېلەلىدى، ھىشام كېلەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن مەدىنىگە كېلىپ قۇبا دېگەن كەنتكە چۈشۈپ تۇرغاندا، ئەبۇ جەھىل بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارىس، ئىياشنىڭ (بۇلارنىڭ ئانىسى بىر ئىدى) كەينىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ كېلىپ: «ئانىمىز سېنى كۆرمىگۈچە بېشىغا تاغاق سالماسلىقنى، ئىسسىقتىن سايىدىماسلىقنى ئۆزىگە نەزر قىلىپ تۇرۇۋالدى، شۇڭا قايتىپ كېتەيلى دەپ تۇرۇۋالدى. ئىياشنىڭ ئانىسىغا ئىچى ئاغرىپ كېتىپ، قايتىش قارارىغا كەلدى. بۇ چاغدا ئۆمەر ئۇنىڭغا: «ئى ئىياش! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ھەرقاچان سېنى دىنىڭدىن ياندۇرماقچىمىكىن، دەيمەن، شۇڭا ئۇلاردىن ھېزى بولغىن، قەسەم قىلىمەنكى، ئاناڭنىڭ كاللىسىنى پىت بوغسا، چوقۇم بېشىغا تاغاق سالىدۇ. مەككىنىڭ ئاپتىپىدا كۆيسە، ئەلۋەتتە سايىدايدۇ»، دېگەن بولسىمۇ، ئىياش ئۇلار بىلەن قايتىپ كېتىپ ئانىسىنىڭ قەسىمى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، يەنە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆمەرنىڭ گېپىگە ئۇنىمىدى. ئۆمەر ئۇنىڭغا: «ئۇنداقتا، دېگىنىمنى قىلىمەن دەپ تۇرۇۋالساڭ، ماۋۇ تۆگەمنى ئېلىۋال، بۇ يۇۋاش، ئايىغى ئىتتىك، ئوبدان تۆگە، ئىلاجى بار تۆگىدىن چۈشمىگىن، ناۋادا بۇلاردىن سەل غەيرىلىك سەزسەڭ ئۇنىڭ بىلەن جېنىڭنى جايلىغىن»، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىياش ئۆمەرنىڭ تۆگىسىگە مىنىپ، ئۇلار بىلەن يولغا چىقتى. ھەتتا بىر يەرگە كەلگەندە، ئەبۇ جەھىل ئۇنىڭغا: «ئى قېرىندىشىم! مەن بۇ تۆگەمگە بەكمۇ جاپا سېلىۋەتتىم، مېنى كەينىڭگە مىندۈرۈۋالساڭ؟» دېۋىدى، ئىياش: «بولىدۇ»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆگىسىنى چۆكتۈردى. ئەبۇ جەھىل بىلەن ھارىسمۇ تەڭ چۆكتۈردى. ئۇلار يەرگە چۈشۈپ، ھەممىسى تۆگىدىن ئايرىلىۋىدى، ئەبۇ جەھىل بىلەن ھارىس ئىياشقا تەڭ ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى ياتقۇزۇپ چەمبەرچەس باغلىۋەتتى. ئاندىن شۇ پېتى تۆگىگە چېتىپ، ھەيدەپ كۈپ-كۈندۈزدە مەككىگە ئەكىردى ۋە «ئەييۇھەنناس» چاقىرىپ: «ئى خالايىق! مەككە ئەھلى! توغرا-خاتانى ئايرىيالمايدىغان ئەخمەقلەرنى مانا مۇشۇنداق قىلغۇلۇق، سىلەرمۇ مۇشۇنداق قىلىڭلار»، دەپ ئەلگە ئىبرەت قىلدى.

مانا بۇ ئۈچ ئىش مۇشرىكلارنىڭ ھىجرەت قىلماقچى بولغانلارنى بىلىپ قالسا قوللىنىدىغان ۋاسىتىلىرىنىڭ مىساللىرىدۇر. لېكىن، كىشىلەر يەنىلا ئارقىمۇئارقا مەككىدىن چىقىپ كېتىشتى. ئەقەبە چوڭ بەيئىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى ئايدىن كېيىن، مەككىدە رەسۇلۇللاھ ئەبۇ بەكرى ۋە ئەلى (بۇ ئىككىيلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرى بىلەن توختاپ تۇرغانىدى) ۋە يەنە مۇشرىكلار مەجبۇرىي تۇتۇپ قالغانلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى. رەسۇلۇللاھمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ھىجرەت بۇيرۇقىنى كۈتۈپ سەپەر تەييارلىقىنى تەل قىلىپ تۇردى ۋە ئەبۇ بەكرىمۇ ھەم شۇنداق قىلدى.

ئىمام بۇخارى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا: ‹ماڭا سىلەرنىڭ ھىجرەت دىيارىڭلار ئىككى تاشلىق ئوتتۇرىسىدىكى بىر خورمىزارلىق زېمىنى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى»، دېگەنىدى. شۇڭا، ھىجرەت قىلماقچى بولغانلار مەدىنە تەرەپكە ھىجرەت قىلدى. چۈنكى مەدىنىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاشلىق زېمىن ئىدى. ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. ئەبۇ بەكرىمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا تەييار بولغانىدى. ئەمما، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «توختاپ تۇرغىن، مەنمۇ ئاللاھنىڭ ئىجازىتىنى كۈتۈۋاتىمەن»، دېدى. ئەبۇ بەكرى: «شۇنداقمۇ؟ ئى رەسۇلۇللاھ! سەنمۇ ھىجرەتنى ئۈمىد قىلامسەن؟ ساڭا ئاتا-ئانام پىدادۇر»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ھەئە»، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكرى رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن توختاپ تۇردى ۋە ئۆزىنىڭ ئىككى تۆگىسىگە تۆت ئايدەك سۇمرى دەرىخىنىڭ غازىڭىنى بېرىپ باقتى .

دارۇننەدوۋەت (قۇرەيش كېڭەش يۇرتى)دىكى سۇيىقەست

مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈزلەپ تەييارلىق قىلىپ مال-دۇنيا ۋە بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ ئەۋس، خەزرەج قەبىلىلىرىگە كۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر خىل قورقۇنچ ۋە غەم ئەندىشىگە پاتتى ۋە بۇنى چوڭ شۇملۇقنىڭ بېشارىتى دەپ بىلدى. ئەنسىزلىك ۋە ساراسىمە ئۇلارغا مىسلىسىز ۋەھىمە بىلەن دېۋەيلەپ كەلمەكتە ئىدى. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ دىنى ۋە ئىقتىسادىي مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ھەقىقىي چوڭ بىر خەۋپ-خەتەر كۈلەڭگۈسى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى.

مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ ۋۇجۇدىدىكى توغرا رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە ئاممىنى ئىتىپاقلاشتۇرۇشتىكى دانا يېتەكچىلىك قىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدىكى غايەت زور تەسىرىنى ۋە ساھابە كىراملاردىكى قەتئىي ئىرادە، سەمىمىي ساداقەت ۋە رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن جان پىدا قىلىش روھىنى، ئەڭ مۇھىمى ئەۋس، خەزرەج قەبىلىلىرىدىكى يوشۇرۇن كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن بۇ قەبىلىلەردىكى ئاقىللارنىڭ تىنچلىق ۋە يارىشىشقا تەلپۈنۈۋاتقانلىقىنى ئۇلار ئۇزۇن يىللار داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقانلىقتىن، ئەمدى ئۆزئارا ئاداۋەتلىشىشنى تاشلاپ، ئەپ ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىشقانلىقلىرىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. شۇنىڭدەك، مەدىنىنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى يەمەندىن شامغا ماڭىدىغان يول بويىغا جايلىشىشىدەك مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلەتتى. تائىف ۋە باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ تىجارەت سوممىسىنى ھېسابلىمىغاندا، پەقەت مەككىلىكلەرنىڭلا شام بىلەن بولىدىغان تىجارىتىدە يىلىغا 250 مىڭ دىنار قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكنى شۇ يول ئارقىلىق ئايلاندۇرغىلى بولاتتى. ھەممىگە مەلۇمكى، بۇنداق تىجارەتنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشى ۋە روناق تېپىشى، مۇشۇ يولنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ناۋادا ئىسلام دەۋىتى يەسرەبنى مەركىزىي بازا قىلىپ، يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە مەككىلىكلەرگە قارشى تۇرسا، قۇرەيشلەرنىڭ سودا تىجارىتىنىڭ قانچىلىك چوڭ خرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق ئىدى.

مانا مۇشۇلارنى ئويلاپ مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان چوڭ بىر خەۋپ-خەتەرنىڭ ئىز بېسىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشتى ۋە ئىسلام دەۋىتىنىڭ يول باشچىسى مۇھەممەدۇن سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىبارەت بۇ چوڭ خەۋپ-خەتەرنىڭ ئەتراپقا تاراپ يىلتىز تارتىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر چارە-تەدبىر ئىزدەشكە باشلىدى. نەبۇۋەت (بىئسەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ 14- يىلى سەپەر ئېيى (2- ئاي)نىڭ 20- كۈنى، مىلادىيە 622- يىلى سىنتەبىر (9- ئاي)نىڭ 12- كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. (يەنى ئەقەبە چوڭ بەيئىتىدىن ئىككى يېرىم ئايدىن كېيىن) پەيشەنبە ئەتىگەندە قۇرەيش پارلامېنتى (دارۇننەدۇۋەت) ئىسلام دەۋىتىنىڭ يول باشچىسى مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام)نى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان ۋە ئۇ تارقاتقان دەۋەت نۇرىنى يەر يۈزىدىن تەلتۈكۈس ئۆچۈرەلەيدىغان كەسكىن بىر تەدبىر تېپىش ئۈچۈن ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ قاباھەتلىك بىر يىغىننى چاقىردى. يىغىنغا قۇرەيش قەبىلىسىگە تەۋە ھەر قايسى جەمەت ۋە ئۇرۇقداش ئايماقلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە كىشىلىرى قاتناشتى.

قۇرەيش قەبىلىلىرىدىن بۇ قاباھەتلىك يىغىنغا قاتناشقان ئاساسلىق ۋەكىللەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى.

1. ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام، بەنى مەخزۇم جەمەتىدىن.

2. جۇبەير ئىبنى مۇتئىم تۇئەيمە ئىبنى ئەدىي ۋە ھارىس ئىبنى ئامىر، بەنى نەۋفەل ئىبنى ئابدۇماناف جەمەتىدىن.

3. شەيبە ۋە ئۇتبە (رەبىيئەنىڭ ئىككى ئوغلى)، ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب، بەنى ئابدۇشەمىس ئىبنى ئابدۇماناف جەمەتىدىن.

4. نەزر ئىبنى ھارىس (رەسۇلۇللاھنىڭ گەجگىسىگە تۆگىنىڭ يىنىنى تاشلاپ قويغان كىشى)، بەنى ئابدۇددار جەمەتىدىن.

5. ئەبۇلبەختەرى ئىبنى، ھىشام زەمىئە ئىبنى ئەسۋەد ۋە ھەكىم ئىبنى ھىزام، بەنى ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززا جەمەتىدىن.

6. نەبىيھە ۋە مۇنەببىھ (ھەججاجنىڭ ئىككى ئوغلى)، بەنى سەھىھى جەمەتىدىن.

7. ئۇمەييە ئىبنى خەلەف، بەنى جۇمەھ جەمەتىدىن.

ئۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، دارۇننەدۇۋەتكە يېتىپ كېلىۋىدى، ئۇلارغا ئىبلىس مەلئون راسا كېلىشكەن، بۆز-چەكمەندە تون كىيىۋالغان سالاپەتلىك بىر مويسىپىت كىشى سۈپىتىدە ئەگىشىپ كېلىپ دەرۋازا ئالدىدا توختىدى، ئۇلار: «جانابى ئاقساقال كىم بولىدىكىن؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ: «مەن ئۆزۈم نەجدلىك، سىلەرنىڭ بۇ يەرگە يىغىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىڭلار سەمىمگە يەتكەنىدى، شۇڭا سورۇنۇڭلارغا قاتنىشىپ، پىكىرىڭلارنى ئاڭلاپ باققۇم كەلدى، ياخشىراق بىرەر ئەقىل كۆرسىتىپ قالسام ئەجەب ئەمەس»، دېدى. ئۇلار: «ناھايىتى ياخشى، مەرھەمەت! داخىل بولغايلا!» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇرەيشلەر بىلەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى.

ۋەكىللەرنىڭ قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى ۋە رەسۇلۇللاھنى قەتلى قىلىشنى قارار قىلغانلىقى

يىغىن قاتناشچىلىرى تولۇقلىنىپ بولغاندىن كېيىن تەكلىپ پىكىرلەر ۋە ھەر خىل تەھلىللەر مۇزاكىرىگە قويۇلدى. ئۇلار كوللېكتىپ ھالدا بىردەم قىزغىن غۇلغۇلا قىلىشقاندىن كېيىن شەخسىيلەر بويىچە پىكىر بايان قىلىشقا باشلىدى. ئەبۇلئەسۋەد سۆز قىلىپ: «ئۇنى ئارىمىزدىن قوغلاپ چىقىرايلى، سۈرگۈن قىلىۋېتەيلى، نەگە بېرىپ، نەدە ئولتۇراقلىشىپ قالسا قالسۇن، كارىمىز بولمىسۇن، بىز ئۆز ئىشىمىزنى پۇختىلاپ ‹كۆنگەن خۇي، مىنگەن ئۇي›، دەپ يۈرۈۋۋېرەيلى؟!» دېۋىدى، ئۆزىنى نەجدلىك دەپ ئاتىۋالغان ھېلىقى مويسىپىت ئاقساقال: «بولمايدۇ…، بولمايدۇ، ئەزبىرايى خۇدا، بۇ دانا پىكىر بولمىدى، قارىمامسىلەر، ئۇنىڭ شېرىن زۇبانلىقلىقىنى، جەلپكار، خۇشخۇيلۇقىنى ۋە ھېلىقى دەۋاسى بىلەن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانلىقىنى، قەسەم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئەگەر ئاشۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار، ئۇ بىرەر ئەرەب قەبىلىسىگە بېرىپ چۈشۈپ (ئۇلارنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەندىن كېيىن) سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن، ھەتتا سىلەرنى قانلىق باستۇرۇپ خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىشتىن ئەمىن بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، باشقىچە پىكىرىڭلار بولسا ئاڭلاپ باقايلى!» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئەبۇلبۇختەرى: «مېنىڭچە ئۇنى تۇتۇپ تۆمۈر ئىشكاللار بىلەن باغلاپ، ھەپىسىگە ئېلىپ سولىۋېتەيلى، ئاندىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى مەسلەكداشلىرى (زۇھەيرا ۋە نابىيغە قاتارلىقلار) غا يەتكەن ئۆلۈم ئۇنىڭغىمۇ يەتكىچە تۇتقۇن قىلىپ تۇرايلى!» دېدى.

نەجدلىك ھېلىقى كىشى: «ياق، ياق، ئەزبىرايى خۇدا، بۇمۇ ھەرگىز ئاقىلانە تەدبىر ئەمەس، مەن قەسەم قىلىپ بېرەلەيمەنكى، ناۋادا سىلەر ئۇنى (دېگىنىڭلاردەك) ھەپسىگە ئېلىپ سولىۋەتسەڭلار، ھەر قانچە يوشۇرۇن سىر تۇتقان تەقدىردىمۇ، بۇنى ئۇنىڭ ئادەملىرى چوقۇم ئۇقۇپ قالىدۇ-دە، ئۇلار ئۇشتۇمتۇت قول سېلىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ ئاچىقىپ كېتىدۇ. ئاندىن توپلىنىپ كېلىپ، سىلەرنى ئاخىر مەغلۇپ قىلماي قويمايدۇ. بۇ ئوبدان پىكىر بولمىدى، شۇڭا باشقىچىرەك بىر پىكىر ئويلاپ كۆرۈڭلار»، دېدى.

كېڭەش ئەزالىرى مەزكۇر ئىككى تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ھەممەيلەننىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىنتايىن قاباھەتلىك مۇنداق بىر تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ۋەھشىيانە تەكلىپنى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كاتتىبېشى، باش جىنايەتچى ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەزبىرايى خۇدا، بۇ ھەقتە مېنىڭ مۇنداق بىر تەكلىپىم بار، ھازىرچە ھېچكىشىنىڭ ئويىغا كەلمىدى». ۋەكىللەر: «قانداق تەكلىپ ئۇ، ئى ئەبۇلھەكەم (ئەبۇ جەھىلنىڭ كونىيتى) !» دېيىشتى. ئەبۇ جەھىل: «ھەر بىر قەبىلە ئۆز تەۋەلىكىدىكى نوپۇزلۇق ئائىلىلەردىن قاۋۇل، جاسارەتلىك، چېۋەر يىگىتتىن بىردىن يىگىتنى چىقىرىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە راسا ئۆتكۈر قىلىچتىن بىردىن قىلىچ تۇتقۇزساق، ئاندىن ئۇلار ئۇ (مۇھەممەد)نىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تەڭلا قىلىچ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، شۇئان ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالايمىز، چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۇنىڭ (قىساس)قېنى ھەممە قەبىلىلەرگە چېچىلىپ كېتىدۇ-دە، نەتىجىدە ئابدۇماناف جەمەتى قۇرەيش قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مادارى يەتمەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار خۇن ھەققى (تۆلەم)گە رازى بولماي ئامال تاپالمايدۇ. بىز ئۇلارغا تۆلەم تۆلەپ بېرىمىز، ئىش ساقىيىدۇ، خالاس»، دېۋىدى، ئۆزىنى نەجدلىك دەپ ئاتىۋالغان. ھېلىقى ئاقساقال قايتىدىن روھلىنىپ: «مانا ماۋۇ كىشىنىڭ گېپى توغرا گەپ بولدى، بۇنىڭدەك دانا تەدبىر بولمايدۇ، بۇ ھەقىقەتەن ئاقىلانە پىلان بولدى»، دەپ بۇ قاباھەتلىك پىلاننى ماختاپلا كەتتى ۋە مەككە كېڭىشى بۇ قاباھەتلىك پىلاننى تولۇق ئاۋاز بىلەن تەستىقلىدى ۋە ھەر قايسى قەبىلە ۋەكىللىرى ئۆيلىرىگە قايتىپ بۇ قارارنى تېزدىن ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈشكە تۇتۇش قىلىپ كەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت قىلىشى

قۇرەيش ۋەكىللىرى دارۇننەدۇۋەتتە رەسۇلۇللاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىش قارارىنى ماقۇللاۋاتقان پەيتتە، جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ۋەھىي ئېلىپ كېلىپ، قۇرەيشلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا سۈيىقەست پىلانلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئاللاھۇ (ئەززە ۋە جەللە)نىڭ ئۇنىڭغا مەككىدىن چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە: «بۈگۈن كېچە ئادەتتىكى ئورنۇڭدا ياتمىغىن»، دەپ ھىجرەت ۋاقتىنىمۇ بەلگىلەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ شۇ ھامان چاشگاھ ۋاقتىدىلا سەپەر پىلانىغا باش قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆيىگە باردى. ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى چاشگاھ ۋاقتىدا ئۆيدە ئەبۇ بەكرى (ئاتام)نىڭ يېنىدا ئولتۇرۋاتاتتۇق. بۇ چاغدا ھاۋا ئىنتايىن قىزىپ كەتكەنىدى. توساتتىن بىرسى: «رەسۇلۇللاھ ھېچقاچان كەلمەيدىغان سائەت، ۋاقىتتا كېلىۋاتىدۇ، تېخى بېشىنىمۇ ئورۇۋاپتۇ»، دېدى. ئەبۇ بەكرى: «ئۇنىڭغا ئاتا-ئانام پىدادۇر. ئۇ بۇنداق غەيرى ۋاقىتتا چوقۇم مۇھىم بىر ئىش بىلەن كەلدى، دېدى». ئۇ (ئائىشە) مۇنداق دەيدۇ: «ھايال ئۆتمەي رەسۇلۇللاھ كىرىپ كەلدى ۋە ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت سورىدى. ئەبۇ بەكرى ئىجازەت قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۆيگە كىردى ۋە ئەبۇ بەكرىگە: «قېشىڭدىكى ئادەملەرنى سىرتقا چىقىرىۋەتكىن، مۇھىم گەپ بار»، دېدى. ئەبۇ بەكرى:«ئى رەسۇلۇللاھ! ساڭا ئاتام پىدادۇر، بۇلار ئۆز ئەھلىلىرىڭ» دېگەنىدى. رەسۇلۇللاھ: «ماڭا بۈگۈن چوقۇم چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىندى»، دېدى. ئەبۇ بەكرى: ‹ماڭا ھەمراھ بولغىن›، دېمەكچىمۇسىلە، ئى رەسۇلۇللاھ! سەن ئۈچۈن ئاتا-ئانام پىدادۇر›، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، شۇنداق»، دېدى ۋە ئىككىيلەن ھىجرەت پىلانىنى پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ قاراڭغۇ چۈشۈشنى كۈتۈپ ئۆيگە قايتتى.

رەسۇلۇللاھنىڭ قورۇسى قورشاۋدا

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ قورۇسى قورشاۋدا”

قۇرەيش كاپىرلىرىنىڭ مەزكۇر كاتتىباشلىرى يىغىندىن قايتقاندىن كېيىن پۈتۈن بىر كۈننى، مەككە پارلامېنتى (دارۇننەدوۋەت ئەزالىرى) بۈگۈن ئەتىگەن ماقۇللىغان ۋەھشىيانە پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزدى ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا ھېلىقى ياۋۇز كاتتىۋاشلاردىن 11 كىشى تاللاپ چىقىلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىلەر ئىدى:

1. ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام.

2. ھەكەم ئىبنى ئەبۇلئاس.

3. ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيت.

4. نەزرى ئىبنى ھارىس.

5. ئۇمەييە ئىبنى خەلەف.

6. زەمئە ئىبنى ئەسۋەد.

7. تۇئەيمە ئىبنى ئەدىي.

8. ئەبۇ لەھەب ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ.

9. ئۇبەي ئىبنى خەلەف.

10. نەبىيھ ئىبنى ھەججاج.

11. مۇنەببەھ ئىبنى ھەججاج قاتارلىقلار.

ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دېگەن: «شۇ كۈنى كېچىدىن بىر مەھەل ئۆتكەندە، مەزكۇر 11 قارا نىيەت ئەبلەخ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەيدا بولۇپ، قاچانكى ئۇخلاپ قالسا ئاندىن باستۇرۇپ كىرەيلى، دەپ پايلاپ تۇردى. ئۇلار بۇ رەزىل سۈيىقەستنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلاتتى. ھەتتا، ئەبۇ جەھىل مەغرۇرانە قىياپەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ مەسخىرە ۋە مازاق قىلغان ئاھاڭدا ئادەملىرىگە: «مۇھەممەد، ئەگەر سىلەر ماڭا ئەگەشسەڭلار، دۇنيادا ئەزىزلىنىسىلەر، ئاندىن ئۆلۈپ تىرىلىسەڭلار، سىلەرگە ئىئوردانىيە باغچىلىرىدەك باغ-ۋارانلار ئاتا قىلىنىدۇ. ناۋادا مەن دېگەندەك قىلمىساڭلار مۇشۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ جازاسىغا دۇچار بولىسىلەر، يەنى ئۆلتۈرۈلىسىلەر، ئاندىن قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈلۈپ، ئوتقا تاشلىنىسىلەر، دەپ گەپ ساتاتتى. ئەمدى، كىم كىم تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدىغان بولدىكىن؟ …» دېدى.

مەزكۇر سۈيىقەستكە قول سېلىش ۋاقتى كېچىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇلار سائەت نۆلنى كۈتۈپ كېچىنى بىدار ئۆتكۈزدى. لېكىن، ئاللاھ ئۆز ئىشىغا ھامان غالىب، ئاسمان زېمىننىڭ ھوقۇقى ئۇنىڭ ئىلكىدە خالىغاننى قىلغۇچى، پاناھلىق بەرگۈچىدۇر، ئۇ بۇ ھالقىلىق پەيتتە، رەسۇلۇللاھقا ﴿و ان يمكرك الۇين كفروا ليڭبتوك او يقتلوك او يخرجوك ط ويمكرون و يمكراللھ ط واللھ خير الماكرين﴾ «(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار سېنى قاماققا ئېلىش، ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۆنۈملۈكتۇر». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 30- ئايەت). دەپ ۋەھىي قىلغانىدى.

رەسۇلۇللاھ ئۆيىدىن ئايرىلدى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ ئۆيىدىن ئايرىلدى”

مەزكۇر قارا نىيەتلەر بۇ رەزىل پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى پۇختا تەييارلىق بىلەن تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىنتايىن نومۇسسىزلارچە مەغلۇپ بولدى. رەسۇلۇللاھ بۇ چاغدا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا «سەن مېنىڭ (ھەزرەمى) يېشىل تونۇمنى يېپىنىپ ئورنۇمدا ئۇخلاپ تۇرغىن، ئۇلار ساڭا ھەرگىز يامانلىق يەتكۈزەلمەيدۇ»، دەپ قويۇپ (رەسۇلۇللاھ ئۇخلىغاندا ئاشۇ يېشىل تونىنى يېپىنىپ ئۇخلايتى) قولىغا بىر سىقىم توپا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستى باشلىرىغا چېچىۋېتىپ سەپلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئاللاھنىڭ ﴿وجىلنا من بين ايديھم سدّا و من خلفھم سدّا فاغشيناھم فھم لا يبپرون﴾ «ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر توسۇق، كەينىگە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ئىماننىڭ يوللىرى توسۇلۇپ كەتكەنلىكتىن) ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ»، دېگەن ئايىتىنى توختىماي تىلاۋەت قىلىپ ماڭاتتى. ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىنى بەنىت قىلىۋەتكەن ئىدى، شۇڭا ئۇلار رەسۇلۇللاھنى كۆرەلمىدى، ھالبۇكى ئۇنىڭ چاچقان توپا چاڭلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستى باشلىرىنى تولۇق پۇر ئالغانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ سەپلىرىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققىنىچە ئۇدۇل ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆيىگە باردى. ئاندىن ئۇ يەردىن ئىككەيلەن بىرلىكتە قورۇنىڭ ئارقا ئىشىكى بىلەن چىقىپ كەتتى. ئۇلار كېچىلەپ يول يۈرۈپ ئاخىرى يەمەن (مەككىنىڭ جەنۇبى) تەرەپتىكى «سۇر» ئۆڭكۈرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىنى قورشاپ تۇرغان مۇھاسىرچىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت سائەت نۆلنى كۈتۈپ داۋاملىق بىدار تۇردى. ئەمما سائەت نۆل بولۇشنىڭ سەل ئالدىدىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن سەت دەرىجىدە مەغلۇب بولغانلىقىنى ۋە قۇرۇق ئاۋارە بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بايقاشتى. ھەقىقىي ئەھۋال مۇنداق ئاشكارا بولۇپ قالدى: ئۇلارنىڭ يېنىدىن بۇ ئىش بىلەن ئالاقىسى بولمىغان بىر كىشى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر قانچەيلەننىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى پايلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى ۋە ئۇ كىشى: «نېمىگە ئىنتىزار بولۇپ يۈرۈسىلەر؟» دەپ سورىدى، ئۇلار: «مۇھەممەد»گە دېيىشكەنىدى، ھېلىقى ئادەم: «ئۇنداق بولسا سىلەر زىيان تارتىپسىلەر ۋە قۇرۇق ئاۋارە بولۇپسىلەر، ئەزبىرايى خۇدا، ئۇ ھازىر مۇشۇ يەردىن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ تېخى ئۈستى-باشلىرىڭلارنى توپا-چاڭلار بىلەن كۆمۈۋېتىپتۇ، ئۇ ھازىر ئۆز يولىغا راۋان بولۇپ بولدى»، دىدى. ئۇلار: «ئەزبىرايى خۇدا، ئەجەبا بىز ئۇنى كۆرمەپتۇققۇ؟» دېيىشىپ ئورنىدىن تۇرغانىدى، توپا-چاڭلار ئۇلارنىڭ ئۈستى-باشلىرىدىن بۇخسۇپ چۈشتى.

لېكىن ئۇلار ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ بىر كىشىنىڭ يېشىل توننى يېپىنىپ يېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەنە شۇ چوقۇم مۇھەممەد، ئۇ ھازىر ئۇخلاۋاتىدۇ، ئۈستىدىكى ئۇنىڭ ئادەتتە يېپىنىپ ياتىدىغان تونى»، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرسى «شۇ ».. يەنە بىرسى «ئەمەس» دېگەن گەپلەر بىلەن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئەتىسى سەھەردە ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى. بۇ چاغدا ئۇلار قوللىرىنى چىشلىشىپ ئۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھنى سورىغانىدى، ئۇ: «ئۇقمايمەن، ماڭا دەپ بەرمىدى»، دېدى.

ئۆيدىن ئۆڭكۈرگە

بىئسەت(رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەرلىك شەرىپىگە ئېرىشكەن يېلى)نىڭ 14- يىلى سەپەر (2-ئاي)نىڭ 27- كۈنى، مىلادىيە 622- يېلى سېنتەبىر (9-ئاي)نىڭ 12- ياكى 13- كۈنى كېچىدە رۇسۇلۇللاھ ئۆيىدىن ئايرىلىپ ئۆزىنىڭ سەپدىشى (ۋە ئۆز سۆھبىتىدە ۋە مال-مۈلۈكىدە ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى) ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاندىن ئىككىيلەن بىرلىكتە كېچىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن مەككىدىن چىقىپ كېتىش مەقسىتىدە ئالدىراپ ئەبۇ بەكرىنىڭ قورۇسىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ كېتىشتى.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام قۇرەيش دائىرلىرىنىڭ قاتتىق ئىز قوغلايدىغانلىقىنى ۋە پايلاقچىلارنىڭ نەزىرى ئالدى بىلەن مەككىنىڭ شىمالىغا ماڭىدىغان مەدىنە يولىغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلگەن بولغاچقا، ئۇ ئەسلى نىشاننىڭ تامامەن ئەكسى تەرىپىگە يول ئالدى. ئۇ بولسىمۇ مەككىنىڭ جەنۇبىغا سوزۇلغان مەككە-يەمەن چوڭ يولى ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ يول بىلەن بەش كېلومېتىردەك جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ «سۇر» تېغى دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغقا يېتىپ باردى. بۇ تاغ ئۆزى ئېگىز، يوللىرى ئەگرى-توقاي، تىك قىيا تاغ بولۇپ، ئەتراپى پۈتۈنلەي قورام تاشلار بىلەن ئورالغان، قەدەم ئېلىپ مېڭىش تولىمۇ قىيىن ئىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى پۇتىدىن بىر قانچە يەرنى ئۇچلۇق تاشلار يىرتىۋەتتى، ئېيتىلىشىچە رەسۇلۇللاھ ئىزىنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇتىنىڭ ئۈچىدا دەسسەپ ماڭغان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچى ئېچىلىپ كېتىپتۇ.

قانداقلا بولمىسۇن تاغقا يېقىن قالغاندا ئەبۇ بەكرى رەسۇلۇللاھنى ھاپاشلاپ يۈدۈپ، كۈچىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ، تاغ چوققىسىدىكى ئۆڭكۈرگە ئەكىرىۋالدى. بۇ تاغ تارىختا «غارى سۇر»، يەنى، سۇر تېغى ئۆڭكۈرى دەپ ئاتالدى.

تەقدىرداشلار غاردا

ئىككىيلەن غارغا يېتىپ بېرىۋىدى، ئەبۇ بەكرى: «ئى رەسۇلۇللاھ سەن كىرمەي تۇرغىن، ئاۋۋال مەن كىرىپ چىقاي، ئەگەر زىيانداش ھاشارەتلەر بولسا سەندىن كۆرە ماڭا تەگكىنى ياخشى»، دېدى. ئاندىن غارغا كىرىپ، مەلۇم يەرنى سېرىپ-سۈپۈردى. ئۇنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى تۆشۈككە كۆينىكىنى يىرتىپ تىقىپ قويدى، يەنە بىر چەتتىكى ئىككى تۆشۈككە ئىككى پۇتىنى تىقىپ ئۇنى ئەتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھنى كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ غارغا كىردى ۋە قاتتىق ھېرىپ چارچاپ كەتكەنلىكىدىن بېشىنى ئەبۇ بەكرىنىڭ قۇچىقىدا قويدى-دە، كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى. بۇ چاغدا ئەبۇ بەكرىنىڭ تۆشۈككە تىقىپ تۇرغان پۇتىنى يىلان چېقىۋالدى، لېكىن ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئويغىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ چىداپ مىدىرلىماي تۇرغان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاغرىق ئازابى تۈپەيلى تۆكۈلگەن ياش تامچىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ مەڭزىگە تېمىپ ئۇنى ئويغىتىۋەتتى ۋە ئۇنىڭدىن «نېمە بولدۇڭ؟ ئى ئەبۇ بەكرى!» دەپ سورىدى. ئەبۇ بەكرى: «يىلان چېقىۋالدى ، ھېچ ۋەقەسى يوق سەن ئۈچۈن ئاتا-ئانام پىدادۇر»، دېدى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ پۇتىغا تۈكۈرۈپ قويۇۋېدى، ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئاغرىق پەسەيدى.

ئۇلار غاردا جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇردى. بۇ جەرياندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى بەكرى ئۇلارنىڭ قېشىغا ھەر كېچە كېلىپ-كېتىپ تۇردى.

ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) مۇنداق دېگەن: «ئابدۇللاھ زېرەك، تېتىك، چىچەن پۇختا يىگىت ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكرىنىڭ يېنىدىن كېچىنىڭ ئاخىرىدا قايتىپ كىرىپ ئەتىگىنى گويا مەككىدە قونغان كىشى سۈپىتىدە سەھەر تۇرۇپ قۇرەيشلىكلەرگە ئارىلىشىپ يۈرەتتى، ئاتىسى بىلەن رەسۇلۇللاھ ھەققىدە دېيىلگەن گەپ-سۆز، سۈيىقەسىت، پىلانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە تاغقا چىقىپ ئاتىسى بىلەن رەسۇلۇللاھقا بىر-بىرلەپ يەتكۈزەتتى، ئەبۇ بەكرىنىڭ قۇلى ئامىر ئىبنى فۇھەيرە ئۇنىڭ بىر توپ قويىنى شۇ ئەتراپتا بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ گۇگۇم چۈشكەندە قويلارنى ھەيدەپ ئاپىرىپ سېغىپ ئۇلارنى سۇغۇراتتى (بۇ ئۇلارنىڭ چۈشلۈك ۋە كەچلىك غىزاسى ئىدى). ئۇلار شۇ بىر ئوتلاملىق سۈت بىلەن ئۇخلاپ قالاتتى. ئامىر ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ ئاتماستا بۇلارنىڭ يېنىدىن «لاي-لاينى» ئېيتىپ قوينى تۆۋەنگە باساتتى. ئۇ ئۇدا ئۈچ كۈن شۇنداق قىلدى، ئامىر ئىبنى فۇھەيرىنىڭ بۇ قويلارنى كېچىدە قوزغىتىشى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبى بەكرىنىڭ يېنىدىن مەككىگە قاراپ ماڭغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى بەكرىنىڭ ئىزىنى يوقاتماق ئۈچۈن ئىدى.

ئەمما قۇرەيش دائىرلىرى ھېلىقى قاباھەتلىك پىلاننى ئىجرا قىلىدىغان ئەتىگىنى، ئۇنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن ساراڭنىڭ ئۆزى بولۇپ كەتتى. ئۇلار ئاۋۋال بېرىپ ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپنى ئۇردى ۋە ئۇنى كەئبىنىڭ يېنىغا سۆرەپ ئەكىلىپ، بىرەر يىپ ئۇچىغا ئېرىشىپ قالارمىز دەپ بىر سائەت سولاپ قويۇشتى ئاخىرى ئەلىدىنمۇ ھېچ قانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ھەممىسى توپلىشىپ ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆيىگە باردى، ئۇنىڭ ئىشىكىنى قېقىۋىدى، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەبى بەكرىنىڭ قىزى ئەسما چىقتى. ئۇلار ئەسمادىن قوپاللىق بىلەن: «ئاتاڭ نەدە؟» دەپ سورىغانىدى. ئەسمائ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئاتامنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمەن» دېدى. بۇ چاغدا ئەبۇ جەھىل قولىنى شىلىتىپ، ئەسمانىڭ مەڭزىگە بىر كاچات ئۇرۇپ ئۇنىڭ قۇلىقىدىكى مۇنچىقىنى ئۇچۇرۇۋەتتى.

ئارقىدىنلا قۇرەيشلەر جىددىي يىغىن چاقىرىپ مەزكۇر ئىككى كىشىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇمكىن بولغان بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەككىگە كىرىپ چىقىدىغان بارلىق يول ئېغىزلىرىنى قوراللىق تەكشۈرۈپ، قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. شۇنداقلا بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسى بىرسىنىڭ مەيلى ئۆلۈك، مەيلى تىرىكىنى قۇرەيش تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەرگەنلەرگە يۈز تۆگە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ چاغدا پۇل ئۈچۈن ھەر نەرسىدىن كېچىدىغان بىر بۆلۈك ئاتلىق چەۋاندازلار ۋە پىيادە ئىز قوغلىغۇچىلار ئۇلارنى ئىزلەشكە باشلىدى. ئۇلار تاغنى ئېگىز، ئويماننى چوڭقۇر، سەھرانى يېراق، شەھەرنى قىستاڭ دېمەي پىت تارىغاندەك تاراپ، پىتراپ كېتىشتى. لېكىن ھېچ بىر ياقتىن «مانا مەن تاپتىم ياكى كۆردۈم»، دېگەن سادا ئاڭلانمايتتى.

بىر كۈنى چارلىغۇچى قوشۇن غارنىڭ ئېغىزىغا يېتىپ باردى، لېكىن ئاللاھ ئۆز ئىشىغا ھامان غالىبتۇركى، ئۇلارغا رەسۇلۇللاھنى كۆرسەتمىدى. ئىمام بۇخارى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئۇ ئەبۇ بەكرىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: مەن رەسۇلۇللاھ بىلەن غاردا تۇرۇۋاتاتتىم بېشىمنى ئازراق كۆتۈرۈپ قارىسام، بىر مۇنچە ئادەملەرنىڭ پۇت-پاچاقلىرىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھقا: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرسى ئۆزىنىڭ بېشىنى شۇنداق تۆۋەن قىلسىلا بىزنى چوقۇم كۆرۈپ قالىدۇ» دېدىم، رەسۇلۇللاھ ماڭا «جىم تۇرغىن، ئى ئەبۇ بەكرى، بىز ئىككى، ئاللاھ بولسا ئۈچىنچىمىزدۇر»، دېدى يەنە بىر ئىبارىدە «ئى ئەبۇ بەكرى ئاللاھ ئۈچىنچىسى بولغان ئىككەيلەندىنمۇ ئەنسىرەمسەن؟» دېدى.

بۇ ھەقىقەتەنمۇ كاتتا بىر مۆجىزە بولغانىدى، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن ئۆز پەيغەمبىرىنى ئەزىزلىدى. چارلىغۇچىلار بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئارىلىقىدا پەقەت بىر قانچە قەدەم يەر قالغاندا ئۇلار قايتىپ كېتىشتى.

مەدىنە يولىدا

ئۈچ كۈندىن بىرى جىددىي ئىز قوغلاش ئارقىلىقمۇ ھېچ قانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن قۇرەيش دائىرلىرىنىڭ ئاچچىقى بىر ئاز پەسكۇيغا چۈشۈپ، ئىز-ئىزدەش نىسبەتەن بېسىقىپ، نۆۋەت ئالمىشىپ چارلاش، تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئاز-تولا توختىغاندەك قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكرى مەدىنىگە قاراپ يول ئېلىشقا تەييارلاندى.

ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىتنى يول باشلاش ئۈچۈن ياللىدى. ئابدۇللاھ ئۇستا يول باشلىغۇچى بولۇپ، گەرچە ئۇ قۇرەيشلىكلەرنىڭ دىنىدا بولسىمۇ رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئىشەنگەنىدى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن سۇر تېغىنىڭ ئۆڭكۈرىدە ئۇچرىشىشقا ۋەدىلىشىپ ئۇنىڭغا ئۇلاغلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ بۇيان چىققان ئىدى.

راست دېگەندەك دۈشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە (يەنى ھىجىرىينىڭ 1-يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل (3- ئاي) ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى مىلادىيە 622-يىلى سىنتەبىر (9-ئاينىڭ 16- كۈنى) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىت ئىككى تۆگىنى يېتىلەپ سۇر تېغىنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى. بۇ چاغدا ئەبۇ بەكرى رەسۇلۇللاھقا: «ساڭا ئاتام پىدادۇر ئى رەسۇلۇللاھ، بۇ ئىككى تۆگىنىڭ بىرىنى تاللىغىن»، دېدى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۇ ئىككى تۆگىنىڭ ئېسىلرەكىنى تەڭلىدى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا «بولىدۇ، پۇلغا ئالاي»، دېدى

ئەسما بىنتى ئەبى بەكرى ئاتىسى بىلەن رەسۇلۇللاھقا ئۇلارنىڭ سەپەر تەييارلىقىنى ئېلىپ چىققانىدى. بىراق، ئۇ ئوزۇقلۇق سېلىپ چىققان قاچىغا باغلانچا بېكېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ، ئۇلار ماڭغىلى تەمشەلگەندە ئوزۇقلۇق بار بوقچىنى يۈك-تاقا ئېسىپ قويماقچى بولۇۋىدى، مۇمكىن بولماي قالدى. شۇڭا، ئۇ دەرھال بېشىدىكى ئۆرۈمە چېچىنى ئىككىگە ئايرىپ بىرنى كېسىپلا ئوزۇقلۇق قاچىسىنى تۆگىگە ئېسىپ بەردى ۋە يەنە بىرنى ئۆز جايىغا ئۆرۈپ قويدى. شۇندىن ئېتىبارەن ئۇ «زاتۇننىتاقەيىن» قوش كوكۇللىق دەپ ئاتالدى.

ئاندىن ئۇلار يۈرۈپ كەتتى ۋە ئۇلار بىلەن ئامىر ئىبنى فوھەيرمۇ بىللە يولغا چىقتى. يول باشلىغۇچى (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىت) ئۇلارنى دېڭىز ساھىلى تەرەپكە باشلاپ ماڭدى.

ئابدۇللا ئىبنى ئورەيقىتنىڭ ئۇلارنى غاردىن چىقىپلا ئۇدۇل باشلاپ ماڭغان يولى — ئۇ ئاۋۋال جەنۇبقا قاراپ يەمەن تەرەپكە داۋاملىق ئىلگىرلىدى، ئاندىن غەربكە بۇرۇلۇپ دېڭىز ساھىلىغا قاراپ ماڭدى، ھەتتا بىر چاغدا كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بىر يولغا يېتىپ بېرىۋىدى. قىزىل دېڭىز بويىغا يېقىن بىر يەردىن شىمالغا بۇرۇلدى ۋە ئۇ يەردە ئادەملەر كەمدىن كەم ماڭىدىغان بىر يوللاردىن باشلاپ ماڭدى.

ئىبنى ئىسھاق رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇ يول ئۈستىدە بېسىپ ئۆتكەن ئۆتەڭ ۋە يەر جاي ناملىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «يول باشلىغۇچى ئۇلارنى جىلغىدىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن داۋاملىق مەككىنىڭ تۆۋەن تام تەرىپىگە باشلاپ ماڭدى، ئاندىن ئۇلار بىلەن دېڭىز ساھىلى تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئوسپان(يەر نامى) نىڭ ئاستىدىكى بىر يولنى كېسىپ ئۆتتى. ئاندىن ئۇلارنى ئەمەج (يەر نامى)نىڭ تۆۋەن تەرىپى بىلەن باشلاپ مېڭىپ ئۇ يەردىن قەدىد (يەر نامى)قا باردى. قەدىدتىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە يولنى كېسىپ ئۆتۈپ، خەرار (يەر نامى)، مۇررە-داۇىنى (يەر نامى)، ئاندىن لەقەف (يەر نامى) قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتتى. ئاندىن ئۇلار بىلەن لەقەف (يەر نامى) قونالغۇسى دېگەن جاينىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئوتتى. ئاندىن «مەرجەھومەجاھ» دېگەن يەر بىلەن ئېلىپ مېڭىپ ئۇ يەردىن «مەر جەھوزىلغۇزۋەين» ئاندىن بەتنۇزىكىشەر (يەر نامى) دېگەن جايدىن. ئاندىن جەداجىد (يەر نامى) ئۇنىڭدىن كېيىن ئەجرەد (يەر نامى) بىلەن باشلاپ مېڭىپ ئۇ يەردىن زىسەلەم دېگەن جايغا كەلدى. ئۇ يەردىن ئابىد دېگەن جايغا كەلدى ئۇ يەردىن پاجە (يەر نامى)گە ئۆتۈپ، ئاندىن ئەرەج دىگەن جايغا چۈشتى. ئەرەجتىن قوزغۇلۇپ (رەكۇبە دېگەن جاينىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن) «سەنيتۇلئائىر» دېگەن جايدىن ئۆتتى، ئاندىن بەتنى رەسەم دېگەن جايغا بېرىپ چۈشتى ۋە ئۇ يەردىن قۇباغا كىرىپ كەتتى.

يول ئۈستىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر:

  1. ئىمام بۇخارى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «بىز پۈتۈن بىر كېچە ئەتىسى ئەتىگەندىن تاكى ئالەم چۈش بولغانغا قەدەر يول يۈردۇق، ھەتتا بىر چاغدا كۈن تىك چۈش بولۇپ، يوللار تىنچلىنىپ تولا-تېرىم ئادەم ئۇچرىمايدىغان بولىۋىدى، شۇ ئەسنادا بىزگە يىراقتىن چوڭ بىر تاش كۆرۈندى، بىز ئۇنىڭ سايە تاشلىغان تەرىپىگە ئۆتۈپ چۈشتۇق، مەن رەسۇلۇللاھقا ئۆز قولۇم بىلەن ئارام ئالىدىغان جاي راسلىدىم-دە، ئۇزۇن بىر چاپاننى سېلىپ «ئۇخلىسىلا ئى رەسۇلۇللاھ، مەن ئەتراپنى كۆزىتەي» دېدىم، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇخلاپ قالدى، مەن تۇرۇپ ئەتراپنى كۆزەتتىم. بىر چاغدا بىر پادىچى بالا قويىنى بىز تەرەپكە ئۇدۇل ھەيدەپ كەلدى. ئەسلىدە ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش سايىداش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا «ئى قويچى بالا، كىمنىڭ قويى بۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ «مەككىلىك دېدىمۇ ياكى مەدىنىلىك دېدىمۇ بىر كىشىنىڭ قويى»، دېدى. مەن «قويلىرىڭ ئارىسىدا سېمىز قوي بارمۇ؟» دېدىم، ئۇ «ھەئە، بار»، دېدى، مەن «ساغقىلى بولامدۇ؟» دېسەم، ئۇ «بولىدۇ»، دېدى ۋە بېرىپ بىر قوينى تۇتتى. مەن ئۇنىڭغا «قوينىڭ ئەمچىكىنى توپا چاڭلاردىن ۋە مەينەت يۇڭ تېرىلەردىن تازىلىۋېتىپ ئاندىن ساغقىن!» دېدىم. ئۇ يېنىدىكى بىر تاش قاچىغا ئازراق سۈت سېغىپ بەردى. مەندە رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارەت ئېلىشى ۋە سۇ ئىچىشى ئۈچۈن ئېلىۋالغان بىر قاچا بار ئىدى. سۈتنى شۇ قاچىغا قۇيۇپ ئېلىپ كەلدىم. مەن ئۇنى تاتلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشنى خالىمايتتىم. لېكىن، ئۇ مېنىڭ كېلىشىمگىلا ئويغاندى. شۇنىڭ بىلەن سۈتكە ئازراق سۇ قۇيۇپ ئاستى تەرىپىنى سوغۇتتۇم ۋە «سۈت ئىچسىلە! ئى رەسۇلۇللاھ»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ سۈتنى قولۇمدىن ئېلىپ ئىچتى، مەن ئۇنىڭ ئىچىشىدىن مەمنۇن بولدۇم، ئاندىن ئۇ «ماڭىدىغان ۋاقىت بولمىدىمۇ؟» دەپ سورىدى، مەن «ھەئە، ماڭىدىغان ۋاقىت بولدى»، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن يەنە بۇ يەردىن قوزغىلىپ يولىمىزغا راۋان بولدۇق.

  2. ئەبۇ بەكرىنىڭ ئادىتى. ئۇ يول بويى تۆگىسىنى رەسۇلۇللاھنىڭ تۆگىسىنىڭ كەينىگە چېتىپ ماڭاتتى، ئەبۇ بەكرى ھەممە ئادەم تونۇيدىغان مەئروف كىشى ئىدى. رەسۇلۇللاھ بولسا تېخى ياش، باشقا يۇرتنىڭ ئادەملىرى ئۇنى ئانچە كۆپ تونۇپ كەتمەيتتى، شۇڭا يولدا ئۇچرىغان بەزى كىشىلەر ئەبۇ بەكرىگە «ئالدىڭدىكى بۇ كىشى كىم؟» دەپ سوراپ قالاتتى. ئەبۇ بەكرى «ئۇ مېنىڭ يول باشچىم»، دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئۇقمىغانلار ئۇنى «سەپەر يولىنى»، دەيدۇ، دەپ ئويلاپ قالاتتى. ئەمما، ئۇ ھىدايەت يولىنى مەقسەت قىلاتتى.

  3. يولدا بۇلارغا سۇراقە ئىبنى مالىك يېتىشىۋالغىلى تاس قالدى. سوراقە مۇنداق دېگەن: بىر كۈنى مەن ئۆز قەۋمىمىز بەنى مۇدلىج جەمەتىنىڭ سورۇنلىرىدىن بىرىدە ئولتۇراتتىم. سىرتتىن بىر ئادەم كىرىپ سورۇننىڭ بېشىدا ئۆرە تۇردى ۋە: «ئى سۇراقە! مەن بايا دېڭىز ساھىلى يولىدا كېتىۋاتقانلارنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ چوقۇم مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ سەپەرداشلىرىمىكىن دەيمەن»، دېدى. سوراقە مۇنداق دەيدۇ: مەن شۇ ھامانلا ئۇلارنىڭ راست شۇلار ئىكەنلىكىنى جەزم قىلدىم، لېكىن مەن ئۇنىڭغا: «ئۇلار سەن دېگەنلەر ئەمەس، سەن چوقۇم ھازىر مۇشۇ يولدىن ئۆتۈپ كەتكەن پالان-پۇستانىلارنى كۆرۈپسەن»، دەپ قويدۇم. ئاندىن بىردەم ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ ئولتۇردۇم. كېيىن سورۇندىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئۆيگە كىردىم ۋە ئۆيدىكى خىزمەتچى دېدىكىمگە ئاتنى ئېلىپ چىقىپ ئارقىدىكى قۇم دۆۋىسىنىڭ كەينىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم، ئاندىن قولۇمغا نەيزەمنى ئېلىپ ئۆينىڭ ئارقا تەرىپى بىلەن نەيزىنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ سۆرىگەن ھالدا يۈگۈرۈپ چىقتىم، ھەتتا ئاتنىڭ يېنىغا يېتىپ كېلىپلا، مىنگەن پېتى ئىز قوغلىتىپ قويۇۋەتتىم. ئات ئۇچقاندەك چېپىپ ماڭاتتى، ھەتتا بىر چاغدا ئۇلارغا يېقىنلاپ بېرىۋىدىم، تۇيۇقسىزلا ئېتىم پۇتلىشىپ يىقىلدى. مەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن موللاق ئېتىپ يىقىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئورنۇمدىن تەسرەك تۇرۇپ، قولۇمنى يېنىمدىكى ئوقدانغا ئۇزاتتىم ۋە ئۇنىڭدىن بىر قانچە تال پال ئوقلىرىنى چىقىرىپ «مەن ئۇلارغا يېتىشەلەيمەنمۇ-يوق؟» دەپ پال سېلىپ باقتىم. ئەپسۇسكى، پال ئوقى مەن ئارزۇ قىلغاندەك چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن پال ئوقلىرىغا پەرۋا قىلماي يەنىلا ئېتىمغا مىنىپ چاپتۇرۇشقا باشلىدىم. ھەتتا مەن يېقىنلاپ-يېقىنلاپ رەسۇلۇللاھنىڭ قىرائىتىنى (رەسۇلۇللاھ ماڭا قاراپمۇ قويمايتى، ئەبۇ بەكرى پات-پات قارايتتى) ئاڭلىيالىغۇدەك ئورۇنغا يېقىن كېلىۋىدىم، تۇيۇقسىز ئېتىمنىڭ ئىككى پۇتى تىزىغىچە يەرگە پېتىپ كەتتى. مەن ئات ئۈستىدىن يەرگە دومىلاپ چۈشتۈم. ئورنىمدىن تۇرۇپ ئاتنى دېۋەتتىم. ئات پۇتىنى يەردىن ناھايىتى تەس تارتىپ قامىتىنى رۇسلىۋىدى، ئۇنىڭ ئالدىدىن گويا قارا تۈتۈندەك ۋەھىمىلىك بىر چاڭ توزاڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يېنىمدىكى پال ئوقلىرىنى ئۆرۈپ، يەنە سىناپ كۆردۇم، نەتىجە مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك چىقمىدى. شۇڭا مەن ئۇلارغا ئامانلىق ئېلان قىلىدىم. ئۇلار توختىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئېتىمغا مىنىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم. مەن مېنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىن توسۇپ قويغان بايامقى ئالامەتلەرنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئىشى چوقۇم غەلىبە قىلىدىكەن، دېگەن قاراشقا كەلگەنىدىم. شۇڭا مەن رەسۇلۇللاھقا «ئى رەسۇلۇللاھ قۇرەيشلەر سېنى تۇتۇش ئۈچۈن نۇرغۇۈن مۇكاپاتلارنى ئېلان قىلدى دېدىم ۋە ئۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ ئۇلارنى قانچىلىك تەقەززالىق بىلەن ئىزدىشىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدىم ۋە ئۇلارغا يېنىمدىكى ئازراق ئوزۇقلۇق ۋە لازىمەتلىكلەرنى ئېلىۋېلىشقا تەڭلىۋىدىم. ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇلار پەقەت مەندىن «بىز بىلەن ئۇچراشقانلىقىڭنى يوشۇرغىن» دېگەننى ئۆتۈندى. يەنە مەن رەسۇلۇللاھتىن ماڭا ئامانلىق خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدىم. ئۇ ئامر ئىبنى فۇھەيلگە ماڭا بىر تال چەرمە رەختكە ئامانلىق خېتى يازدۇرۇپ بەردى. ئاندىن ئۇلاغلىرىغا مېنىشىپ جىددى يۈرۈپ كېتىشتى.

ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھ ئەنھۇ)دىن نەقىل قىلىنغان بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز يولغا چىقىۋەردۇق، ھالبۇكى مۇشرىكلار بىزنى قاتتىق ئىزدەۋەتاتتى، شۇنداقتىمۇ بىزنى سۇراقە ئىبنى مالىكتىن باشقا ھېچكىم بايقىيالمىدى. ئۈ بىزگە ئات بىلەن يېتىشىۋالدى، بۇ چاغدا مەن «ئى رەسۇلۇللاھ مانا ئىز قوغلىغۇچىلار بىزگە يېتىشىۋالدى» دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ «خاتىرجەم بولغىن ئاللاھ بىز بىلەن بىللە» دېدى.

سۇراقە قايتىپ كەتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ توختىماي ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «مەن سىلەرگە ۋاكالىتەن خەۋەرنىڭ راست يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ كەلدىم. بۇ ئەتراپتا ھېچ گەپ يوق»، دەپ كىشىلەرنى ئىزدەشتىن ياندۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ كۈننىڭ ئەتىگىنى رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكرىگە قارشى كۈرەش قىلغۇچىلاردىن ئىدى. كەچلىكى بۇ ئىككەيلەننى قوغدايدىغان پاسىبانغا ئايلاندى.

  1. رەسۇلۇللاھ شۇ پېتى يول يۈرۈپ ھەتتا بىر چاغدا خۇزائە قەبىلىسىدىن ئۇممى مەئبەد ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ كەپىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ئۇ چىدامچان، ئالىجاناپ ئايال بولۇپ، ئاشۇ سەھرادىكى كەپىسىدە تىرىكچىلىك قىلىپ ئۆتەتتى. ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ئاش-تاماق ۋە ئۇسسۇلۇق بېرىپ يولغا سالاتتى. ئۇلار ئۇممى مەئبەدتىن: «يېنىڭىزدا يەيدىغان بىر نەرسە بارمىكىن؟»، دەپ سورىغانىدى. ئۇ: «ئەزبىرايى خۇدا، ئەگەر يېنىمدا ئازراق بىر نەرسە بولغان بولسا ئىدى، ھەرگىز سىلەردىن ئايىمايتتىم، قويلار بولسا ئورۇق»، دېدى. شۇ يىلى ھەقىقەتەن قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن يىل بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ كەپىنىڭ بىر چېتىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۋاتقان بىر قوينى كۆردى-دە: «بۇ نېمە قوي ئى ئۇممى مەئبەد؟» دەپ سورىدى، ئۇممى مەئبەد: «ئۇ ئۇرۇق ئاۋارىلىقىدىن ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان قوي»، دېدى رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭدا سۈت بارمىدۇ؟» دېگەنىدى، ئۇممى مەئبەد: «ئۇ دېگەن بەك ئاۋارە، سۈت چىقىشى ئېھتىمالدىن بەك يېراق»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئەمىسە ئۇنى مېنىڭ سېغىشىمغا رۇخسەت قىلامسەن؟» دېۋىدى، ئۇممى مەئبەد: «ئەلۋەتتە ئاتا-ئانامنىڭ ھەققىدە تۇتتۇم، ئەگەر ئۇنىڭدا سۈت بار دەپ قارىساڭ مىڭ مەرتىبە سېغىۋالغىن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ قوينىڭ ئەمچىكىنى قولى بىلەن سىيلاپ:﴿بسم اللھ الرچمن الرچيم﴾ «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن»، دەپ دۇئا قىلىۋىدى، شۇئان ھېلىقى قوينىڭ ئەمچىكىدىن سۈت ئېتىلىپ چىقىپ قولىغا تۆكۈلۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ بىر قانچە ئادەمگە تائام سىغىدىغان بىر ئارا قاچىنى ئەكىلىپ، ئۇ قوينى سېغىشقا باشلىدى. بىردەمدىلا قاچىنىڭ يۈزىگە قايماقلار لەيلىدى. رەسۇلۇللاھ سۈتنى ئالدى بىلەن ھېلىقى ئايالغا سۇندى. ئۇ ئايال ئىچىپ قاندى. ئاندىن يېنىدىكى ھەمراھلىرىنى سۇغاردى. ئۇلارمۇ ئىچىپ قېنىشتى. ئەڭ ئاخرىدا ئۆزى ئىچتى. يەنە سېغىپ قاچىنى لىقمۇلىق توشقۇزۇۋەتتى ۋە ئۇ سۈتنى ھېلىقى ئايالنىڭ يېنىغا قويۇپ يولغا راۋان بولدى.

ئۇزاق ئوتمەي، ئۇ خوتۇننىڭ ئېرى (ئەبۇ مەئبەد) ئورۇقلۇقىدىن قەدەم ئېلىشقا ماجالى قالمىغان بىر قانچە تال شاخپاي ساغلىقنى ھەيدەپ پەيدا بولدى. ئۇ ئۆيىدىكى سۈتنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە: «بۇ سۈتنى نەدىن پەيدا قىلدىڭ، ئۆيدە قالغان قوي ئورۇق، ئاۋارە تۇرسا، ئۆيدە ئۇنىڭدىن باشقا سېغىن بولمىسا؟» دەپ سورىدى. ئۇممى مەئبەد: «ياق ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، باياتىن بىزنىڭ چېدىرىمىزغا مۇبارەك بىر كىشى چۈشۈپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق-مۇنداق سۆزلەرنى دېدى ۋە پالان-پالان ئىشلارنى قىلدى»، دەپ رەسۇلۇللاھنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇۋىدى، ئەبۇ مەئبەد: «ئەزبىرايى خۇدا، قۇرەيشلەر ئىزدەۋاتقان كىشى شۇ بولۇپ قالمىسۇن يەنە! ئى ئۇممۇ مەئبەد، ئۇنى ماڭا تەپسىلىرەك تونۇشتۇرغىنە»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇممى مەئبەد رەسۇلۇللاھنى گويا ئاڭلىغۇچىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرىدىغان يۇقىرى پاساھەتلىك سۆز ماھارىتى (ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئەسلى تېكىستىنى كىتابىمىزنىڭ ئاخىرىدا تەپسىلى بېرىمىز) بىلەن سۈپەتلەپ بەردى. بۇ چاغدا ئەبۇ مەئبەد: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قۇرەيشلەر گېپىنى قىلىپ يۈرگەن كىشى چوقۇم شۇ ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا ھەمسۆھبەت بولاي دېگەنىدىم، پۇرسەت بولسا چوقۇم شۇنداق قىلىمەن»، دېدى.

شۇ كۈنلەردە مەككىدە كىشىلەر غايىپتىن مۇنداق بىر ياڭراق ئاۋازنى ئاڭلىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېيتقۇچىسى كۆرۈنمەيتتى.

ئىلاھا! قىل مەرھەمەت ئۇممى مەئبەد ئۆيىگە،

ئىككى سەپداش ھەمنەپەس قەدەم قويغان كۈنىگە.

قەدىناسلار مۇڭدىشىپ راۋان بولدى يولىگە،

نىجات تاپقاي ھەر كىشى ھەمرا بولسا ئۇنىڭگە.

ئى قۇسەي ئەۋلادلىرى! نېمە كەتتى قولۇڭدىن،

كېتىپ قالدى ئۇلۇغلۇق، تەڭ قىلىنماس نەرسىگە.

خار بولۇپ بەنى كەئەب ئاياللارچە باش ئېگەر،

ماكانلىرى غەنىمەت مۇسۇلمانۇ-مۇئمىنگە.

سورىساڭلار ئۇلاردىن ئۇممى مەئبەد ئېيتىدۇ:

«مەندىن كۆرە سوئالنى، قويۇڭلارچۇ؟ قويۇمگە».

ئەسمائ بىنتى ئەبۇ بەكرى مۇنداق دېگەن: «بىز رەسۇلۇللاھنىڭ قايسى تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى بىلەلمەي قالغانىدۇق، ئۇشتۇمتۇت بىر جىن مەككىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن يۇقىرىقى مىسرالارنى ئۇقۇپ پەيدا بولدى. ئادەملەر «سۆزى بار، ئۆزى يوق» بۇ ئاۋازغا ئەگىشىپ مېڭىشاتتى، ھەتتا ئۇ مەككىنىڭ يۇقىرىقى تېمى تەرىپىگە چىقىپ كەتتى. بىز شۇ ئان رەسۇلۇللاھنىڭ قايسى تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى يەنى مەدىنىگە قاراپ يول ئالغانلىقىنى بىلىۋالدۇق.

  1. سەپەر داۋامىدا رەسۇلۇللاھ ئەبۇ بۇرەيدىگە يولۇقتى. ئۇ قەۋمى-جامائىتى ئىچىدە كاتتا ئابرويلۇق كىشى ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم قۇرەيش دائىرلىرى ئېلان قىلغان زور مىقداردىكى مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۇش تەمەسىدە رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكرىنى ئىزدەپ چىققان. ئۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكەندىن كېيىن شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا بىللە چىققان يەتمىش كىشى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە دەرھال بېشىدىكى سەللىسىنى ئېلىپ نەيزىسىگە چىگىپ ئەمىنلىك ۋە تىنىچلىق ئەلچىسى جاھاننى ئەدلى-ئادالەتكە توشقۇزۇش ئۈچۈن كەلدى، دېگەننى بىلدۈرىدىغان ئەلەم قىلىپ كۆتۈرۈۋالدى.

  2. مەدىنىگە بارغۇچە بولغان ئارىلىقتا يەنە رەسۇلۇللاھ زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ شامدىن قايتىپ كېلىۋاتقان تىجارەت كارۋىنى بىلەن بىللە ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكرىگە بىردىن ئاق رەختتە تون كەيگۈزۈپ يولغا سالدى.

قۇبا كەنتىدە شادلىق

بىئسەت (رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەرلىك شەرىپىگە ئېرىشكەن يىلى)نىڭ 14-يىلى (بۇ، ھىجىرىينىڭ بىرىنچى يىلى ھېسابلىنىدۇ) رەبىۇلئەۋۋەل (3- ئاي)نىڭ 8-كۈنى (مىلادىيە 622- يىلى سىنتەبىر (9ئاي)نىڭ 23-كۈنى) دۈشەنبە رەسۇلۇللاھ قۇبا كەنتىگە يېتىپ كەلدى.

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ مەككىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى، شۇڭا ئۇلار ھەر كۈنى ئەتتىگەن مەدىنىنىڭ سىرتىدىكى «ھەررە» دېگەن سايلىققا چىقىپ رەسۇلۇللاھنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتى، ھەتتا كۈن قىزىپ، سايدا تۇرۇش مۇمكىن بولمىغاندا ئاندىن قايتىپ كىرىشەتتى، ئۇلار بۈگۈنمۇ خېلى ئۇزاق ساقلىغاندىن كېيىن بىر كۆزى كەينىدە قايتىپ كىرىشتى. ئۇلار قايتىپ ئۆيلىرىگە تارقالغاندىن كېيىن، يەھۇدىيلاردىن بىر كىشى ئۆزىنىڭ بىر ئىشى بىلەن ئۇلارنىڭ قەلئەلىرىدىن بىر قەلئە ئۈستىگە چىققانىكەن، ئۇ رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەڭ كەتكەن سايدا ئاپئاق كىيىملىك بىر كۆرۈنۈپ، بىر كۆرۈنمەي كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى يەھۇدىي ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي: «ئى ئەرەبلەر جامەئەسى! سىلەر مۇنتەرىز بولۇۋاتقان مۆتىۋەرىڭلار ئەنە! دەپ توۋلىۋەتتى. بۇنى ئاڭلىغان مۇسۇلمانلار دەرھال قوزغىلىپ قورال-ياراغلىرىنى ئېلىپ، رەسۇلۇللاھنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئاتلاندى.

ئىبنى قەييۇم مۇنداق دەيدۇ: «خۇشاللىق ساداسى ۋە تەكبىر ئاۋازى بەنى ئەمرى ئىبنى ئەۋف مەھەللىسىدە ياڭرىدى. مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىگە خۇشال بولۇپ تەكبىر ئېيتاتتى. كىشىلەر تەرەپ-تەرەپتىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلمەكتە ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشۈپ رەسۇلۇللاھقا قىزغىن سالام بىرەتتى ۋە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ئېھتىرامىنى بىلدۈرەتتى. ئۇلار ئەتراپنى ئورۇۋېلىپ جومباق-جومباق بولۇپ مېڭىشاتتى. تەمكىنلىك ئۇنىڭغا تولىمۇ ياراشقانىدى ۋە ئاللاھنىڭ: ﴿فان اللھ ھو مولاھ و جيريل و پالچ المۋمنين والملاېكە بىد ۇالك ئھير﴾ «ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، جىبرىئىلمۇ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، ئۇلاردىن باشقا پەرىشتىلەرمۇ (ئونىڭغا) يۆلەنچۈكتۇر» («قۇرئان كەرىم» سۈرە تەھرىم 4- ئايەت) دېگەن ئايىتى نازىل بولماقتا ئىدى.

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا چىقىشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلار بىلەن ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ مېڭىپ، بەنى ئەمرى ئىبنى ئەۋف مەھەللىسىگە بېرىپ چۈشتى. بۇ كۈن رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىدى . ئەبۇ بەكرى ئۆرە تۇرۇپ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىۋاتاتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ يېنىدا جىم ئولتۇراتتى. شۇڭا رەسۇلۇللاھنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن چىققان ئەنسارلاردىن بۇرۇن ئۇنى كۆرمىگەنلەر ئۇدۇل ئەبۇ بەكرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىشكە باشلىدى. بىر چاغدا رەسۇلۇللاھ ئولتۇرغان يەرگە ئاپتاپ چۈشۈپ قېلىۋىدى، ئەبۇ بەكرى ئۈستىدىكى رىداسىنى سېلىپ ئۇنىڭغا سايىۋەن قىلىپ سايىدىتىپ تۇردى، شۇئان كىشىلەر رەسۇلۇللاھنى تونۇۋېلىشتى.

پۈتۈن مەدىنە ئاھالىسى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. چوڭ-كىچىك ھەممىسى رەسۇلۇللاھنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چىققانىدى. بۇ كۈن مەدىنە تارىخىدا مىسلىسىز شادلىققا تولغان بىر كۈن بولدى. يەھۇدىيلارمۇ ھەبقوق دېگەن پەيغەمبەرنىڭ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ(نىڭ رەھمىتى)» تەيمان تەرىپىدىن كەلگەن ۋە قۇددۇس (يەنى ئەيىپ نۇقساندىن خالى روھ) فاران تاغلىرىدىن كېلىدۇ» دېگەن بېشارەتلىرىنىڭ راستلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋېلىشتى.

رەسۇلۇللاھ قۇبادا كۇلسۇم ئىبنى ھەدەم دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى (ئىبنى خەيسەمەنىڭ ئۆيىگە چۈشتى دېگۈچىلەرمۇ بار).

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلىپ مەككىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھتىكى ئالغۇ-بەرگۈلىرىنى ئۆز جايىغا قارار تاپقۇزۇۋېتىپ، پىيادە يولغا چىقتى. ئاخىرى رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدىن قۇبادا يېتىپ كۇلسۇم ئىبنى ھەدەمنىڭ ئۆيىدە ئۇچراشتى.

رەسۇلۇللاھ قۇبادا دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە ۋە پەيشەنبە تۆت كۈن تۇردى ۋە بۇ جەريانىدا قۇبا مەسجىدىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭدا ناماز ئوقىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسجىد بىئسەت (رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولغان)دىن كېيىن تەقۋادارلىق ئاساسىدا بىنا قىلىنغان تۇنجى مەسجىد بولۇپ قالدى. بەشىنچى كۈنى (جۈمە كۈنى) بولۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن تۆگىسىگە مىندى ۋە تۆگىسىنى بەنى نەججار (رەسۇلۇللاھنىڭ ئانا تەرەپ تاغىلىرى) مەھەللىسى تەرەپكە ھەيدىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى چاقىرىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتكەنىدى. شۇڭا، ئۇلار قىلىچلىرىنى ئېسىپ، نەيزىلىرىنى كۆتۈرۈپ (ھۆرمەت قاراۋۇللىرى سۈپىتىدە)، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى ئەگەشتۈرۈپ مەدىنە تەرەپكە قاراپ ئىلگىرلىدى، بەنى ئەمرى ئىبنى ئەۋف مەھەللىسىگە كەلگەندە جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇلار بىلەن (ھازىرقى) بەتنى ۋادى دېگەن جايدىكى مەسجىدنىڭ ئورنىدا جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى. ئۇلار يۈزدەك ئادەم ئىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىگە كىرىشى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىگە كىرىشى”

جۈمە نامىزىدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ مەدىنىگەكىردى (شۇ كۈندىن ئېتىبارەن يەسرەپ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قەدىمى شەھەر «مەدىنەتۇننەبەۋىييە»، يەنى «پەيغەمبەر شەھىرى» دەپ ئاتالدى. تۆۋەندە بۇنى قىسقارتىپ مەدىنە ‹شەھەر› دەپلا ئاتايمىز). رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان بۇ كۈن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە، چوڭ-كىچىك شاد-خۇراملىققا چۆمگەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى، ئۆيلەر، ھويلا-ئاراملار، كوچا كويلار ۋە رەستە-دوقمۇشلار قىزغىن مەدھىيە شوئارلىرى ۋە تەبرىك-ئالقىش سادالىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى. ئەنسارلارنىڭ قىزلىرى شادلىق ۋە خۇشاللىق تەنتەنىسىگە ماس كەلتۈرۈپ ئۇسۇل ئويناپ، تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇيتتى.

رەسۇلۇللاھ تۇلۇن ئايدەك چېچىپ نۇر،

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ تۇلۇن ئايدەك چېچىپ نۇر،”

چىقىپ كەلدى سەنيەتۇلۋىدادىن.

خۇداغا شۇكرى قىلماق بىزگە لازىم،

بىرەر ئادەم قول ئۈزمىسىلا دۇئادىن.

مۇسۇلمانلارغا مەقبۇل ئۇشبۇ دىننى،

رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلدى خۇدادىن

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلدى خۇدادىن”

ئەنسارلارنىڭ ھەممىسى گەرچە ئۆي-ئاراملىرى ئازادە، دۆلەتمەن زەردار كىشىلەر بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر قاندىغى رەسۇلۇللاھنى ئۆز ئۆيىگە چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا ئېدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ھەربىر كوچا ھەر بىر قورۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە، تۆگىسىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇۋېلىپ ھەش-پەش دېگۈچە خالتا-خورجۇن، قورال-ياراغ، ئەسۋاپ-سەرامجانلارنى تارتىپ بولاتتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «تۆگىنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىڭلار، ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ماڭغۇچىدۇر» دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن تۆگە ئىختىيارى ھالدا ماڭغىلى تۇردى. ھەتتا بىر چاغدا ھازىرقى پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ ئورنىغا يېتىپ كېلىۋىدى، تۆگە تاقلا چۆكۈپ ياتتى. رەسۇلۇللاھ تېخى تۆگىسىدىن چۈشكىچە بولمىغان ئىدى، تۆگە يەنە قوزغۇلۇپ ئازراق مېڭىپ توختىدى. ئاندىن ئىككى يېنگە بىر قارىۋېتىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ كېلىپ دەسلەپكى ئورنىغا چۆكۈپ ياتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ تۆگىدىن چۈشتى. بۇ جاي (رەسۇلۇللاھنڭ تاغىلىرى) بەنى نەججار جەمەتىنىڭ تەۋەلىكى بولۇپ، تۆگىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ توختىشى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ باشتىلا ئۆز تاغىلىرىنىڭكىگە چۈشۈپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ھۆرمەتلىگۈسى بار ئىدى. بۇ چاغدا ھەممە ئادەم رەسۇلۇللاھنى بىزنىڭكىگە بارايلى! بىزنىڭكىگە بارايلى! دەپ ئائىلىسىگە تەكلىپ قىلىش بىلەن قالدى. ئارىدىن ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى ئاللىبۇرۇن رەسۇلۇللاھنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ بولدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ: «ئادەم ئۆزىنىڭ يۈك-تاقلىرى بىلەن بىللە بولىدۇ»، دېدى ۋە ئەسئەد ئىبنى زورارە كېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ تۆگىسىنىڭ چولۋۇرىنى تۇتقىنىچە ئۆيىگە يېتىلەپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن تۆگە ئۇنىڭكىدە تۇردى.

ئىمام بۇخارى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «ئۇرۇق تۇققانلاردىن قايسىسىنىڭ ئۆيى يېقىنراق»، دەپ سورىغان ئىدى. ئەبۇ ئەييۇب: «مېنىڭ ئۆيۈم يېقىنراق، ئى رەسۇلۇللاھ! مانا بۇ، ئالدىمىزدىكى بىزنىڭ ئۆي، ئاۋۇ كۆرۈنگىنى بىزنىڭ دەرۋازا»، دېدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق بولسا سەن بېرىپ بىزگە ئارام ئالىدىغان جاي تەييارلىغىن»، دېۋىدى، ئەبۇ ئەييۇب: «ئەمىسە ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار»، دەپ ئۇلارنى ئۆيگە باشلاپ كەتتى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى سەۋدە، قىزلىرىدىن فاتىمە، ئۇممى گۇلسۇم، (بېقىۋالغان ئوغلى) ئۇسامە ئىبنى زەيد ۋە ئۇممى ئەيمەنلەر مەدىنىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىلەن بىللە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى بەكرى ئاتىسىنىڭ بالا-چاقىلىرىنى بىللە ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئائىشىمۇ بار ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ يەنە بىر قىزى زەينەب ئېرى ئەبۇلئاسنىڭ يېنىدا قېلىپ قالدى. ئۇ بۇ قېتىم ھىجرەت قىلالمىدى. بەدرى ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاندىن ھىجرەت قىلىپ چىقتى.

ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن بىتاپ، بەتھاللىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. شۇ قاتاردا ئەبۇ بەكرى ۋە بىلاللارمۇ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولدى. بىر كۈنى مەن ئۇلارنىڭ يېنغا كىرىپ: «ئاتا! ئۆزۈڭ قانداقراق؟ ئى بىلال! سېنىڭ ئەھۋالىڭچۇ؟» دەپ سورىدىم

ئەبۇ بەكرىگە تەپ كېسىلى يەتسىلا مۇنۇ مىسرالارنى ئېيتاتتى:

ھەممە ئادەم ئۆز ئۆيىدە شىرىن ياتار،

بىراق ئۆلۇم قاش-كىرپىكتە ئۇنى مارار.

بىلالنىڭ دەرت-ئەلىمى بىر ئاز پەسەيسە، ياڭراق ئاۋازى بىلەن مۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇيتتى:

ئايا ناخشام بىلەن يايراپ قونارمەنمۇ؟ باياۋاندا،

يېنىمدا مۇڭدىشىم ئىزخىر جەلىيلى ھەم ھاياتىمدا.

كېلۇر مەنمۇ؟ ھامان بىر كۈن مەجىننە سۇ بۇلاقىغا،

كۆرۈنگەيمۇ ئايان كۆزگە شامە، تەپىيل ھاياتىم يا ماماتىمدا.

شۇنىڭ بىلەن مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ! بىز مەككىنى ياخشى كۆرگىنىمىزدەك مەدىنىنىمۇ ياخشى كۆرسەتكىن، يا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرسەتكىن، مەدىنىنى كېسەللىكلەردىن خالىي قىلغىن، مەدىنىنىڭ ئۆلچەم-تارازىلىرىغا بەرىكەت بەرگىن ۋە ئۇنىڭدىن تەپ كېسەللىكىنى جۆھفىگە يۆتكىۋەتكىن»، دەپ دۇئا قىلدى.

(ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن!) مانا مۇشۇ يەرگىچە رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمى ئاياغلاشتى ۋە ئىسلام دەۋىتىنىڭ مەككە دەۋرى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشتى.

رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى”

رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن.

  1. مەدىنىدە پاراكەندىچىلىك ۋە قالايمىقان پىتنە-پاساتلار يامراپ، ئىچكى جەھەتتە ھەر خىل قالايمىقانچىلىقلار يۈز بەرگەن، تاشقى جەھەتتە دۈشمەن كۈچلەر مەدىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكى ئېغىر خەۋپ ئاستىدا قالغان ئۆتكۈنچى دەۋر باسقۇچى. بۇ ئەنسىز باسقۇچ ھىجىرىيىنىڭ 6- يىلى زولقەئدە (11- ئاي) ئېيىدا «ھۇدەيبىيە شەرتنامىسى»نىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن ئاياغلاشتى.

  2. بۇددىستلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئورنىتىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچ ھىجرىيىنىڭ 8- يىلى رامىزان ئېيىدا مەككە ئىشغال قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى ھەم بۇ دەۋر ھەر قايسى ئەل پادىشاھلىرىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  3. جىمى خالايىقلار توپ-توپ بولۇپ ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىش باسقۇچى. بۇ ھەر قايسى قەبىلە-ئايماقلار ۋە قەۋم-جامائەتلەرنىڭ مەدىنىگە ئەل بولۇپ ئەلچى ئەۋەتىش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن باسقۇچ. بۇ باسقۇچ ھىجىرىيىنىڭ 11- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل (3- ئاي) ئېيىدا رەسۇلۇللاھ ۋاپات تاپقانغا قەدەر داۋاملاشتى.

بىرىنچى باسقۇچ — مەدىنىنىڭ ھىجرەت مەزگىلىدىكى ۋەزىيىتى

بۆلۈم: “بىرىنچى باسقۇچ — مەدىنىنىڭ ھىجرەت مەزگىلىدىكى ۋەزىيىتى”

ھىجرەت قىلىش دېگەنلىك — ھەرخىل پىتنە-پاسات ۋە مەسخىرە مازاقلاردىن قۇتۇلۇش دېگەن مەنىنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن، بەلكى ھىجرەت يۇقارقى ئۇقۇم ۋە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىللە يەنە تنچ-ئامان شەھەردە يېڭى بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىش دېگەنلىك بولاتتى. شۇڭا بۇ يېڭى ۋەتەننى قۇرۇشقا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرالايدىغان ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە شانۇ-شەۋكىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە تېگىشلىك ھەسسىنى قوشالايدىغان ھەر قانداق بىر مۇئمىن مۇسۇلمانغا ھىجرەت قىلىش پەرز قىلىپ بېكىتىلدى. چۈنكى ئىسلام دەۋىتىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش، ئىسلام نۇرى بىلەن جاھالەت زۇلمىتىنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ۋە ھەق ئارقىلىق باتىلنى يوقىتىش ئۈچۈن چوقۇم بىر سېستىلىمىلىق، بىرلىككە كەلگەن، قۇدرەتلىك كۈچ بولۇشى زۆرۈر ئىدى. پارچە-پۇرات ھەرىكەتلەر بىلەن نىشانغا يېتىش مۇمكىن بولمايتتى. مەدىنىدە دەل مۇشۇ كۈچنىڭ تەشكىللىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى شەرت-شارائىت ھازىرلانغانىدى.

شەك شۈبھىسىزكى رەسۇلۇللاھ بۇ يېڭى جەمئىيەت قۇرۇشتا كۆپچىلىكنىڭ دىنى داھىيسى، ھەربىي قوماندانى ۋە سىياسىي يېتەكچى رەھبىرى بولدى، بارلىق ھوقۇق ئۇنىڭ قولىغا نىزاسىز مەركەزلەشتى.

رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە ئەھۋالى بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مۇنداق ئۈچ خىل سىنىپتىكى ئادەملەر بىلەن توغرا، ئادىل مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا توغرا كەلدى. ھەر بىر سىنىپتىكى كىشىلەردىن خاراكتېرى ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. ئۇلار تۆۋەندىكى سىنىپلار ئىدى:

1. رەسۇلۇللاھنىڭ ئاق كۆڭۈل، ساپ دىل ساھابىلىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن).

2. تېخىغىچە ئىمان ئېيتماي تۇرۇۋاتقان مۇشرىكلار. ئۇلار مەدىنىدىكى يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ پۇشتىدىن بولغان نادان خەلقلەر.

3. يەھۇدىيلار (ئۇلار ئەرەبلەرگە نىسبەتەن يات مىللەت ئىدى).

  1. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەسھابىلىرى (بولۇپمۇ مۇھاجىرلار) توغرىلىق دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى شۇكى، مەدىنىنىڭ شارائىتى ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇلار مەككىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شارائىتتىن زور پەرقلىنەتتى. ئۇلار مەككىدىكى چېغىدا گەرچە پىكىر جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن، ھەممىسى بىر نىيەت بىر مەقستتە، بىرلا نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كېلىپ-چىقىشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان، خىلمۇخىل ئائىلىلەردىن ئىدى. ئۇلار ئۇ كوچىدىن بۇ كوچىغا قوغلىنىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئازراقمۇ ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمىغانىدى. بارلىق ھوقۇق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدا ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ يەر (يەنى مەككە)دە ھەر قانداق بىر ئىنسانىيەت جەمئىيتىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل پەزىلەتلەر مۇجەسسەملەشكەن يىپ-يېڭى بىر ئىسلامىي جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا قادىر بولالمىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلىرىدە پەقەت ئىسلامى ئەقىدە پرىنسىپلىرى ۋە ھەر بىر شەخس ئەمەل قىلالىشى مۇمكىن بولغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىش ۋە ياخشى ئادەم بولۇش، خەيرى-ئېھسانلىق بولۇش، ئەخلاقلىق بولۇش ۋە رەزىل-پەسكەشلىكلەردىن خالى بولۇش قاتارلىقلارغا تەرغىپ قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەمما مەدىنىدىچۇ؟ بۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقى باشتىن ئاخىر ئۆزىنىڭ قولىدا بولدى. ھېچكىشى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قامچىسىنى ئوينىتالمىدى. ئەمدى ئۇلارغا يۈكسىلىش، تەرەققىيات، تۇرمۇشنى ياخشىلاش، ئىگىلىك تىكلەش، سىياسەت بەلگىلەش، ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش، تىنچلىق ئورنىتىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش، ھالال-ھارام، تائەت-ئىبادەت، ئەدەپ-ئەخلاق دېگەنگە ئوخشاش ھاياتىي دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ئىنچىكىلەپ بېكىتىپ تەرتىپكە سېلىش ۋە ئوڭشاش ئۈچۈن بارلىقى بىلەن ئاتلىنىش پۇرسىتى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ھەر قايسى جەھەتتە جاھىلىيەت جەمئىيتىگە مۇتلەق ئوخشىمايدىغان، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ھەر قانداق بىر ئىلغار جەمئىيەتتىن ئالاھىدە ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋە ئون يىل مابەينىدە مۇسۇلمانلار تارتقان ئاشۇ مىسلىسىز جاپا-مۇشەققەت بەدىلگە كەلگەن بۇ دەۋەتنىڭ ۋەكىللىك مەھسۇلى بولالايدىغان يېڭىچە ئالاھىدە بىر ئىسلامى جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ۋاقتى-سائىتى يېتىپ كەلگەنىدى.

ھەممىگە ئايانكى، ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنى مۇشۇ يوسۇندا بەرپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بىر كۈن، بىر ئاي ياكى بىر يىلدا پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئاڭ-سەۋىيسىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئالىيجاناب پەزىلەتلىك ئىشلارغا كۆندۈرۈش ۋە تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەش بىلەن بىرگە يەنە دىن، شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تەكامۇللىشىشى ۋە قانۇن ئەمىر-پەرمانلار تولۇقلىنىپ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى شەرىئەت ئەندىزىسىگە چۈشۈشى ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېتەتتى. ئاللاھ بۇ شەرىئەتنىڭ ئەمىر- پەرمان، قانون-نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ نازىل قىلىپ بېرىشكە كېپىل بولدى. رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ ئاشۇ شەرئى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەشكە ۋە مۇسۇلمانلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ ئاللاھنىڭ ﴿ھو الۇي بىڭ فۈ الامين رسولا منھم يتلو ىليھم اياتھ و يزكيھم و يىلمھم الكتاب والچكمە﴾ «ئاللاھ ئۇممىيىلەرگە (يەنى يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۇقمايدىغان ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنى) ئەۋەتتى. ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدۇ. ئۇلارغا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى) ئۆگىتىدۇ»، («قۇرئان كەرىم» 62- سۈرە 2- ئايەت) دېگەن ئايەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توغرا نىشاننى بويلاپ يول باشلاپ مېڭىشقا مەسئۇل بولدى.

ساھابە-كىراملار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) «قۇرئان كەرىم»گە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۈزلەندى. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەھكام، ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئالدىرايتتى ۋە ھەر قانداق بىر ئەھكام نازىل بولسا خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلاتتى. ئاللاھ بۇلار ھەققىدە: ﴿و اۇا تليت ىليھم اياتھ زادتھم ايمانا﴾ «ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى(تېخىمۇ) كۈچىيىدۇ»، («قۇرئان كەرىم» 8- سۈرە 2- ئايەت) دەيدۇ.

خوش، بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىش بىزنىڭ تەتقىقات ماۋزۇيىمىز ئەمەس. شۇڭا بىز بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك توختىلىمىز.

مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ھەممىدىن ئاۋۋال ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئىدى. شۇنداقلا ئىسلام دەۋىتى ۋە ئىلاھىي ئەلچىلىكىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئىدى، لېكىن ئۇ ھازىرچە بەك جىددىي مەسىلە ئەمەس ئىدى. شۇنداق! بۇ يەردە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك باشقا بىر قانچە مەسىلىمۇ مەۋجۇت ئىدى، ئەلۋەتتە.

  1. شۇ مەزگىلدە مەدىينىدىكى مۇسۇلمانلار ئىككى قىسىمغا بۆلۈنەتتى: بىرى ئۆزىنىڭ توغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانى، ئانا يۇرتى ۋە مال-دۇنياسى ئىچىدە ئامان-ئېسەن، غەمسىز ياشاۋاتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن ئۆزگە غەم ئەندىشىسى يوق، ئۇلار ئەنسارلار ئىدى. ئەنسارلار ئەزەلدىنلا ئارىسىدا قاتتىق سۈركىلىش ۋە كونا ئاداۋەت ئوتلىرى ئۆچمەي كەلگەن بىر خەلق ئىدى، ئۇلارنىڭ يېنىدايەنە بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار بار ئىدى (ئۇلار مۇھاجىرلاردۇر). ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسى يوقالغان، ئۇلار مەدىنىگە ئارانلا جېنىنى جايلاپ چىقىۋېلىشقان، نە ئۇلارنىڭ پاناگاھى، نە تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئىش ئورنى، نە ئۇلارنىڭ جاھاندارچىلىق قىلىپ تۇرغىدەك مەبلىغى يوق ئىدى. بۇ مۇساپىرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس، بەلكى تېخى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتاتتى. چۈنكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەن ھەر قانداق بىر كىشنىڭ ھىجرەت قىلىپ چىقىشى پەرز قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.

ھەممىگە ئايانكى، مەدىنە ئۇنچە باي شەھەر ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى تېزلا داۋالغۇشقا ئۇچرىدى ۋە مۇشۇنداق قىيىنچىلىق پەيتىدە ئىسلام دىنىغا ئۆچمەنلىك قىلغۇچى دۈشمەن كۈچلەر مەدىنىگە قارىتا يېرىم ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەنلىكتىن، مەدىنىنىڭ سىرتتىن كىرىدىغان تاۋار مىقدارى ئازلاپ كېتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تىزلا ئېغىر دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچرىدى.

  1. شۇ مەزگىلدە مەدىنىدىكى يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدىكى تېخىغىچە مۇسۇلمان بولماي تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم مۇشرىكلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ھۆكۈمرانلىق تالاشقۇدەك كۈچ-مادارى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملار بۇ يېڭى دىنغا نىسبەتەن دەر گۇمان بولۇپ ئەجدادلىرىنىڭ تۇتقان يولىنى تاشلىغۇسى كەلمەي، ئىككىلىنىپ يۈرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا دىللىرىدا ئاداۋەت ۋە سۈيقەست پىلانلاپ يۈرمەيتتى. ئۇنداقلار ئۇزاق ئۆتمەيلا ھىدايەت تېپىپ ئىخلاسمەن مۇئمىنلەردىن بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا كۆڭلىدە قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە ئېغىر ئاداۋەت ساقلاپ يۈرىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەرمۇ بار ئىدى. لېكىن ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلالمايتتى، بەلكى تېخى زاماننىڭ شەرت-شارائىتىغا بېقىپ، مۇسۇلمانلارغا قارىتا نائىلاج دوستلۇق ۋە ساداقەت ئىزھار قىلىپ يۈرەتتى. بۇلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل دېگەن كىشى بولۇپ، ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى بۇئاس ئۇرۇشىدىن كېيىنلا ئۇنى ئۆزلىرىگە سەردار-پادىشاھ قىلىپ تىكلىۋالماقچى بولغان. (بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار بىرەر كىشى ئەتراپىغا بۇنداق ئۇيۇشۇپ بىرلىككە كەلگەن ئەمەس ئىدى) ۋە ئۇنىڭغا تاج كىيگۈزۈپ خانلىق مەقامىغا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۈنچە-مارجان تىزىپ خانلىق تاج تەييارلاۋاتاتتى. ئۇشتۇمتۇت مەدىنىگە رەسۇلۇللاھ كېلىپ قېلىپ كىشلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ رەسۇلۇللاھقا يۈزلىنىپ كەتتى. شۇنداق بولمىغان بولسا ئۇ مەدىنە خەلقىگە پادىشاھ بولاي دەپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ رەسۇلۇللاھنى مېنىڭ بولغۇسى خانلىق ئورنۇمنى تارتىۋالدى دەپ قارايتتى ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاستىرتتىن ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈرەتتى. ئەمما، ئۇ بەدرى ئۇرۇشىدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىسىز تەرەپكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە مۇشۇنداق شېرىك ئەقىدىسى بىلەن تۇرۇۋەرسە دۇنياۋى مەنپەئەتلەردىن، نۇرغۇن نەپتىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاغزاكى جاكارلاپ قويدى.

لېكىن، ئۇ دىلىدا كۇفرىدىن ۋاز كەچمىگەنىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇدەك پۇرسەت بولسىلا قولدىن بەرمەيتتى ۋە ئۇنىڭ (ئۇ پادىشاھ بولغان تەقدىردە ئېرىشىش ئېھتىمالى بولغان ئەمەل-مەنسەپلەردىن مەھرۇم قالغان كاندىتات ئەمەلدار) ئادەملىرى ئۇنىڭغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيقەستلىك پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەپ مەدەت بېرەتتى. تېخى بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ رەزىل پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ قىسمەن ساددا مۇسۇلمانلارنى قالقان ۋە لاخشىگىر ئورنىدا ئىشلىتەتتى.

  1. يەھۇدىيلار يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ھىجاز تەۋەلىكىگە «ئاشۇرى»لەر ۋە رۇملۇقلارنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ كېلىپ قالغان خەلق ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئىبران مىللىتىگە تەۋە خەلق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھىجازغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، كىيىم-كېچەك، تىل ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە تامامەن ئەرەبلىشىپ كەتكەنىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ قەبىلە ناملىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئەرەبچە ئاتالغانىدى. ھەتتا ئۇلار بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدا قۇدا-باجىلىق ۋە كۈيئوغۇللۇق مۇناسىۋەتلىرىمۇ بارلىققا كەلگەنىدى. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللەت، ئىرق تەۋەلىكىنى قەتئىي ئېسىدىن چىقارماي، ئەرەبلەرگە مۇتلەق قوشۇلۇپ كەتمىگەنىدى. بەلكى، ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل (يەھۇدىي) مىللىتى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى. ئەرەبلەرنى بولسا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە ھەقىر كۆرەتتى. ھەتتا ئۇلارنى «مەدەنىيەتسىز ياۋايى مەخلۇقلار» تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر، ساۋاتسىز، تومپايلار دېگەن مەنىنى ئىپادىلەپ «ئۇممىي» دەپ ئاتايتتى. ئۇلار ئەرەبلەرنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىش ئۆزلىرى ئۈچۈن دۇرۇس، قانداق ئۇسۇل بىلەن يەۋالسا بولىدۇ، دەپ قارايتتى. ﴿قالوا ليس لنا فۈ الامين سبيل﴾ «ئۇلار: ‹ئۇممىيلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۈناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)›، دېدى». («قۇرئان كەرىم» 3- سۈرە 75- ئايەت) ئۇلارنىڭ دىن تارقىتىش قىزغىنلىقىمۇ يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ دىنى سەرمايىسىنىڭ بار-يوقى پەقەت پالچىلىق، سېھىرگەرلىك، دەمكەشلىك، دۇئاخۇنلۇق، ۋەھاكازالار بولۇپ، ئۇلار شۇ نەرسىلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنى بىلىملىك، فازىل، روھىي يېتەكچىلەر دەپ قارايتتى.

يەھۇدىيلار ھۈنەرۋەنچىلىك، تىجارەت كەسپى، مەئىشەت پەنلىرىدە ماھىر خەلق ئىدى. شۇڭا ئاشلىق-دان، يەل-يېمىش، شېكەر-ھاراق ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق تىجارەتلەر ئاساسلىقى شۇلارنىڭ قولىدىن چىقاتتى. ئۇلار ئاشلىق، رەخت ۋە ھاراق-شارابلارنى سىرتتىن كىرگۈزۈپ، خورما قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سىرتقا چىقىراتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى ۋە چارە ئاماللىرى بار بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئەرەب ئاممىسىدىن ھەسسىلەپ پايدا ئالاتتى. ئۇلار يەنە بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، جازانىخورلۇق بىلەنمۇ شۇغۇللىناتتى. ئۇلار ئەرەب پېشىۋالىرى ۋە يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ، شائىرلارنىڭ مەدھىيىلىرىگە ئېرىشىۋېلىش ۋە خالايىق ئارىسىدا ياخشى نام قازىنىۋېلىشقا سەرپ قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن-مۇددەتلىك قەرز بېرىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يەر-زېمىن، باغ-ۋاران، دەل-دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسىنى گۆرۆگە تۇتاتتى، ھەتتا ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىنىڭ مۈلۈك-زېمىنىغا ئايلاندۇرۇۋالاتتى.

يەھۇدىيلار ھىيلىگەر، قارا نىيەت، سۈيقەستچى، پىتنىخور، ئالدامچى مىللەت بولۇپ، ھەدېسىلا قوشنا ئەرەب قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچاتتى ۋە بۇ قەبىلىلەرگە سەزدۈرمەستىن ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنى ئۆزئارا چۇقۇشتۇراتتى. شۇڭا ئۇلارغا قوشنا ئەرەب قەبىلىلىرى نەچچە ئەۋلاد داۋام قىلغان قانلىق ئۇرۇش قاتىلاڭچىلىقلىرىدا داۋاملىق جىددىي ھالەتتە ئۆتكەنىدى. قاچانكى بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ئوتلىرى ئۆچۈپ، ئىس-تۈتەكلىرى تارقىلىشقا باشلىسا، يەھۇدىيلارنىڭ زەھەرلىك قولى يەنە كۆسەي بولۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇرۇش زېدىلىرىنى قايتا تاتىلايتتى. ئەرەب قەبىلىلىرىنى راسا كۈشكۈرتۇپ قويغاندىن كېيىن، دەرھال ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىپ بۇ بىچارىلەرگە كەلگەن كەلمىشلەرنى تاماشا قىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى.

ئۇلار تېخى بۇنى ئاز دەپ ئۇرۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپنى چىقىمدىن قورقۇپ ئۇرۇش توختاتمىسۇن ئۈچۈن، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى. ئۇلار بۇ سۈيقەستى ئارقىلىق بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى تەڭ سوقاتتى، يەنى ئۇلار بىر جەھەتتىن يەھۇدىيلارغا خاس (توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلايدىغان) خۇسۇسىيەتكە ۋارىسلىق قىلسا، يەنە بىر جەھەتتىن ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈپ جازانىغا پۇل بېرىپ زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشەتتى.

ھىجرەت مەزگىلىدە يەسرەب (مەدىنە)تە ئاساسلىقى ئۈچ چوڭ يەھۇدىي قەبىلىسى بار ئىدى. ئۇلار:

  1. بەنى قەينۇقا قەبىلىسى: ئۇلار ئەرەبلەردىن خەزرەج قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولۇپ، ئولتۇراق ئورنى مەدىنىنىڭ ئىچىگە جايلاشقانىدى.

  2. بەنى نەزىر.

  3. بەنى قۇرەيزە: مەزكۇر ئىككى قەبىلە ئەرەبلەردىن ئەۋس قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى. بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ ئولتۇراق جايى مەدىنەنىڭ سىرتىدىرەك بولۇپ، شەھەر ئەتراپىغا يېقىن ئىدى.

مانا بۇ ئۈچ پۇتلۇق يەھۇدىلار ئوچىقى ئەۋس، خەزرەج قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئۇرۇش ئوتلىرىنى يالقۇنجىتىپ، پەسىيىپ قالسا قوزغاپ كەلدى. ھەتتا تېخى بۇئاس ئۇرۇشىدا ھەر قايسى يەھۇدىي قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر تەرەپ بولۇپ بىۋاسىتە جەڭگىمۇ قاتناشتى.

يەھۇدىيلار ئىسلام دىنىغا قارىتا ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت نەزەرى بىلەن قارىمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ ھالبۇكى بۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى ئۇلارنىڭ مىللىتىدىن بولماي قالدى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق بوپقالغان بولسىدى، ئۇلارنىڭ نەپسانىيىتى، بىلەرمەنلىكى ۋە چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك ئەسەبىيلىگى ئاز-تولا تەسكىن تېپىپ قالار، دېگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دەۋىتى كىشىلەر ئارىسىدىكى گىنە-ئاداۋەت داغلىرىنى يۇيۇپ، چېچىلاڭغۇ قەبىلىلەرنى ئىناق ئۆتۈشكە تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئىشلاردا سەمىمىي ئاق كۆڭۈل بولۇشقا، تىجارەتتە توغرا ئادىل يولنى تاللاپ، ھالال، پاكىز رىزق بىلەن كۇپايىلىنىشكە چاقىرىدۇ. بۇ تەشەببۇس يەسرەب (مەدىنە) تەۋەلىكىدە ئۇزۇندىن بېرى تىركىشىپ كېلىۋاتقان ئەرەب قەبىلىلىرىنى ئۆزئارا ئەپلەشتۈرۈپ، ئۆم-ئىناق، قېرىنداشلاردىن قىلىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا بۇ قەبىلىلەر يەھۇدىيلارنىڭ زەھەرلىك چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقىۋالىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ تىجارەت بازىرى پۈتۈنلەي كاساتلىشىدۇ ۋە بايلىق تۈگمىنىنى چۆرگىلىتىۋاتقان جازانىخورلۇق ماللىرىدىنمۇ مەھرۇم قالىدۇ. بەلكى تېخى بۇ قەبىلىلەر ئويغىنىپ يەھۇدىيلار جازانىخورلۇق يولى بىلەن بۇلىۋالغان مال-مۈلۈكلىرىنى ھېسابلاپ چىقىشى، ئاندىن ئۆسۈم ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا بېرىپ قويغان يەر-زېمىن باغ-ۋارانلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھەرىكەت قىلىشىمۇ مۇمكىن.

يەھۇدىيلار ئىسلام دەۋىتى يەسرەپتە ئومۇملىشىشقا باشلىغاندىن بېرى، يۇقارقى ئېھتىماللىقلارنى ئاللىقاچان پەملەپ بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ ئويىنى دەماللىقچە ئاشكارىلىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام دىنىغا ۋە رەسۇلۇللاھقا قارىتا ئۇ مەدىنىگە كەلگەن تۇنجى كۈندىن ئېتىبارەن ناھايىتى قاتتىق ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلدى.

يەھۇدىيلارنىڭ بۇ قورساق ئاغرىقلىرى ئىبنى ئىسھاق ئۇممۇلمۇئمىنىين (مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى) سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلغان مۇنداق بىر ۋەقەلىك بىلەن ئېنىق ئاشكارىلىنىدۇ. ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: «سەفىييە بىنتى ھۇيەي ئىبنى ئەختەپ مۇنداق دېگەن: مەن ئاتامنىڭ ۋە تاغام ياسىرلارنىڭ ئەڭ ئارزۇلۇق قىزى ئىدىم. ھەر قاچان بۇلارنىڭ قېشىدىن ئۆتسەم، ئۇلار مېنى قولدىن-قولغا ئېلىپ ئوينىتاتتى. باشقا بالىلار بىلەن ئانچە كارى بولمايتتى. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قۇبا كەنتىدە بەنى ئەمرى ئىبنى ئەۋف مەھەللىسىگە چۈشكەندە ئاتام ھۇيەي ئىبنى ئەختەپ بىلەن تاغام ئەبۇ ياسىر ئىبنى ئەختەپ ئىككىسى بىر كۈنى ئەتتىگەن رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇلار كۈن ئولتۇراي دېگەندە ئاندىن قايتىپ چىقىشتى. ئۇلار روھى چۈشكۈن، باشلىرىنى تۆۋەن سالغان ھالدا ناھايىتى روھسىز پايپاسلاپ مېڭىپ چىقىشتى. بۇ چاغدا مەن ئادىتىم بويىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئويناقشىپ يۈگۈرۈپ باردىم. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنى قولىغا ئېلىپمۇ قويمىدى، ئەزبىرايى خۇدا مەن ئۇلارنىڭ قوشۇمىسىنىڭ ئەندىشىلىك تۈرۈلۇپ قالغانلىقىدىن ھېچقايسىسىغا ئەركىلەپ قارىيالمىدىم. مەن تاغام ئەبۇ ياسىرنىڭ ئاستا كېتىۋېتىپ ئاتام (ھۇيەي ئىبى ئەختەپ)غا:

— ئاشۇ شۇمۇ؟—، دېدى. ئاتام:

— ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئاشۇ، شۇ.

— ئۇنى تونۇمسەن ۋە چوقۇم شۇ دەپ جەزملەشتۈرەلەمسەن؟

— ھەئە، ئەلۋەتتە.

— ئۇنىڭغا قارىتا قانداق قارارغا كەلدىڭ؟

— ھاياتلا بولىدىكەنمەن ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىمەن—، دېيىشىپ ماڭغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

ئىمام بۇخارىنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ھەققىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىسى بۇنى كۈچەيتىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى سالام يەھۇدىيلارنىڭ كاتتا ئۇلىمالىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىگەكېلىپ بەنى نەججار مەھەللىسىگە چۈشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا پەيغەمبەردىن باشقا ھېچكىشى بىلمەيدىغان بىر قانچە سوئاللارنى تاشلىدى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ، شۇ ھامان ئورنىدىن قوپماي تۇرۇپلا، رەسۇلۇللاھنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈردى. ئاندىن ئۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ، يەھۇدىيلار تۆھمەتخور، يۈزسىز خەلق، ئۇلار مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى بىلىپ قالسا، سېنىڭ ئالدىڭدىلا قارىلىغىلى تۇرىدۇ. شۇڭا، ئاۋۋال ئۇلاردىن مېنىڭ ئەھۋالىمنى سوراپ باققىن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ يەھۇدىيلارنى سىناپ كۆرمەك ئۈچۈن ئۇلارنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي يەھۇدىيلار يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئۆيگە كىرىۋالغانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن: «ئابدۇللاھ ئىبنى سالام قانداق ئادەم؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: « ئۇ بىزنىڭ كاتتا ئۆلىمايىمىز، ئۆلىمانىڭ ئوغلى، فازىل، ياخشى ئادىمىمىز، ياخشى ئادىمىمىزنىڭ ئوغلى، يەنە بىر ئىبارىدە بىزنىڭ كاتتىمىز ھەم كاتتىمىزنىڭ ئوغلى، يەنە بىر ئىبارىدە ياخشى كىشىمىز، ياخشى كىشىمىزنىڭ ئوغلى، ئۆزى فازىل ھەم فازىل كىشىنىڭ ئوغلى»، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: «ناۋادا ئابدۇللاھ ئىبنى سالام مۇسۇلمان بولسا قانداق قارايسىلەر؟» دېۋىدى، ئۇلار بىردەك چوقان كۆتۈرۈشۈپ: «ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي (ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم)»، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى-دە: اشھد ان لا الھ الا اللھ و اشھد ان مچمدا ىبدھ و رسولھ «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ھەقىقەتەن، مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر»، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دېگەنىدى. يەھۇدىيلار بۇنى كۆرۈپ: ھۇ نومۇسسىز، نومۇسسىزنىڭ پۇشتى، دېيىشىپ ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغىلى تۇردى. يەنە بىر ئىبارىدە، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام: «ئى يەھۇدىيلار جامائەسى، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، يەككە-يېگانە ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم بىلىسىلەر، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ھەق دىن»، دېگەنىدى. ئۇلار يالغان ئېيتتىڭ، يالغان، دەپ چۇرقىرىشىپ كەتتى.

مانا بۇ رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كىرگەن كۈنىلا يەھۇدىيلاردىن ئالغان تۇنجى سىناق ئىدى.

دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىچكى جەھەتتىكى پايدىسىز ئامىللار ئىدى. ئەمما تاشقى جەھەتتە يەنىلا ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى قۇرەيش كاپىرلىرى ئىدى. ئۇلار ئون يىل مابەينىدە (يەنى مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا مەھكۇم بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە) مۇسۇلمانلارغا قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش، ھەر جەھەتتىن قىسىش، ئاچ قويۇش ۋە جازالاش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ، چىدىغۇسىز ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى تېتىتتى ۋە ئۇلارغا تەرتىپلىك، نىشانلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئەجەللىك ئىدىيە ئۇرۇشى قوزغىدى. ئاندىن مۇسۇلمانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلماقچى بولىۋېدى، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك، ئۆي-بىسات ۋە يەر-زېمىنلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالدى. ئۇلارنى بالا-چاقا، خوتۇن-قىزلىرىدىن ئايرىۋەتتى. بەلكى تېخى قولىغا چۈشۈپلا قالغانلارنى ھەپسىگە ئالدى ۋە قىيناپ ئازابلىدى. ئاندىن ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلەنمەي، دەۋەت يېتەكچىسى (مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام)نى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ دەۋىتىنى بىراقلا يوقىتىش سۈيقەستىنى پىلانلاشتى. بۇ سۈيقەستنى ئىجرا قىلىشتا قىلچە تەپتارتمىدى. قولدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن (مۇسۇلمانلار 500كىلومېتىر يېراقلىقتىكى بىر زېمىنغا جېنىنى جايلاپ بېرىپلىۋىدى)، ئۇلار يەنە ئۆزىنىڭ ھەرەم ئاھالىسى، بەيتۇللاھنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدىكى دىنىي ۋە سىياسىي ئورنىدىن پايدىلىنىپ كەڭ كۆلەمدە سىياسىي ھۇجۇم قوزغاپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ھەر قايسى بولۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى ئەرەب مۇشرىكلىرىنى مەدىنىگە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتۈپ، مەدىنىنى يېرىم ئىقتىسادىي جازا يۈگۈزۈلۈش ھالىتىگە قىستاپ كەلدى. نەتىجىدە، بۇ يەرگە پاناھلىنىپ كېلىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ سىرتتىن كىرىدىغان كىرىم مىقدارى بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى.

چوقۇمكى، مەككىلىك تاجاۋۇزچى زومىگەرلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بۇ يېڭى ۋەتەندە پات ئارىدا چوڭ بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولۇپ قالدى. ئەمما بۇ ئۇرۇشقا يەنىلا مۇسۇلمانلار سەۋەبچى، دەپ ئۇلارنى ئەيىپكە بۇيرۇش دەل ئىشلارغا باھا بېرىشتە قوش ئۆلچەم قوللانغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمىدۇر، ئەلۋەتتە.

مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ۋە ئۆي-زېمىنلىرى مۇسادىرە قىلىنغىنىدەك بۇ زالىملارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئويناتقان قانلىق قامچىلىرىنى ئۇلارغىمۇ تەڭلىشى يوللۇق ۋە خۇددى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىمۇ ئېغىر خەۋپ ئاستىدا قالدۇرۇلغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ھاياتىمۇ خەۋپ ئىچىدە قالدۇرۇلۇشى ۋە تۇرمۇش يوللىرىغا توسالغۇ-قېينچىلىقلارنىڭ پەيدا قىلىنىشى زۆرۈر،- ئەلۋەتتە.

قىسقىسى، مۇسۇلمانلارمۇ ئۇلارغا قارىتا ئۇلار مۇسۇلمانلارغا تۇتقان پۇزىتسىيە ۋە ھەرىكەتلىرىگە ئاساسەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۇلار مۇسۇلمانلارنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنى «تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش» خام خىيالدىن ۋاز كېچىپ، تىنچلىق يولىنى تاللىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مانا بۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئۇممەتنىڭ دىنى رەھبىرى ۋە قوشۇننىڭ قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەدىنىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە دۇچ كەلگەن ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر ئىدى.

ھەقىقەتەن، رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك رۇلىنى ئوبدان جارى قىلدۇردى ۋە ھەر بىر قەۋمگە ئۆزىگە لايىق مېھرى-شەپقەت مۇكاپاتىنى يەتكۈزدى ۋەياكى جازا شارابىنى ئىچكۈزدى. كەڭ قوللۇق، ئەپۇچانلىق، مەرھەمەتلەر، ئۆچ ئېلىش ۋە قاتتىق قوللۇقتىن ھەمىشە غالىب كەلدى. ئاخىرى بىر قانچە يىل ئىچىدىلا يېرىم ئارالنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئىسلام دىنىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. مۆھتەرەم كىتابخان، تۆۋەندىكى قۇرلاردا بۇلارنى تېخىمۇ رۇشەن كۆرۈۋالالايسىز.

يېڭى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى

بىز ئالدىنقى باپلاردا رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىدىكى بەنى نەججار مەھەللىسىگە چۈشكەن ۋاقتى — جۈمە كۈنى (ھىجىرىيىنىڭ بىرىنچى يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 12- كۈنى، مىلادىيە 622- يىلى 27- سېنتەبىر كۈنى)گە توغرا كەلگەنىدى. ئۇ بەنى نەججار مەھەللىسىدە ئەبۇ ئەييۇبنىڭ قورۇسى ئالدىدىكى بىر پارچە تاشلاندۇق يەرگە چۈشۈپ: «خۇدا خالىسا، تۇرالغۇمىز مۇشۇ يەردە بولىدۇ»، دېگەن، ئاندىن ئەبى ئەييۇبنىڭ ئۆيگە كىرىپ كەتكەن، دېگەنىدۇق.

»مەسجىدۇننەبەۋى« )پەيغەمبەر مەسجىدى(نىڭ بىنا قىلىنىشى

رەسۇلۇللاھنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن باسقان تۇنجى قەدىمى مەسجىدۇننەبەۋىنى بىنا قىلىش بولدى. ئۇ تۆگىسى قايتا-قايتا ئىككى قېتىم چۆكۈۋالغان ھېلىقى يەرنى ئىككى يېتىم بالىدىن سېتىۋېلىپ، ئۇ يەرگە مەسجىد بىنا قىلىشقا بۇيرىدى. رەسۇلۇللاھ مەسجىد قۇرۇلۇشىغا ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشتى. ئۇ خىش تاشلارنى يۆتكەۋېتىپ مۇنداق دەيتتى:

ئى ئاللاھ! چىن ھايات — ھاياتى ئاخىرەت،

مۇھاجىر ئەنسارغا ئەيلە مەغپىرەت.

كۆتۈرگىنىمىز خەيبەر يۈكىگە ئوخشىماس،

مىڭ ھىزار كۆپ ياخشىدۇر پەرۋەردىگارىم قاخشىماس.

دەيتتى. بۇ مۇڭلۇق مىسرالار ساھابىلارنىڭ قۇرۇلۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرەتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرى جاۋاپ قايتۇرۇپ مۇنداق دەيتتى:

گەر دېسەك بىز ئولتۇرۇپ، پەيغەمبىرىم ئىشلىسۇن،

ئازغۇن ئەمەل ئۆزى شۇ، تاش ۋە تۇپراق چىشلىسۇن.

مەسجىدكە تەييارلىغان ئورۇندا مۇشرىكلارنىڭ كونا قەبرىلىرى، خارابە ئازگاللار، ئاندا-ساندا خورما ۋە غەرقەد دەرەخلىرى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ قەبرىلەرنى كولاتقۇزۇۋەتتى، ئازگاللار تىندۇرۇلدى. خورما ۋە باشقا دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ مەسجىدنىڭ ئالدى تېمىغا تىزىلدى. مەسجىدنىڭ قىبلىسى بەيتۇل مۇقەددەسكە ئۇدۇللاندى. ئىشىكنىڭ ئىككى يان باينىسىنى تاش بىلەن، ئەتراپى تاملىرى خىش، لاي بىلەن قۇپۇرۇلدى. ئۈستى خورما شاخ-شۇمبىلىرى بىلەن يېپىلدى. تۈۋرۈك خورما ياغىچىنىڭ غولى ۋە بادرا چوتالىرىدىن ئېتىلدى ئاستىغا قۇم-شېغىللار ياتقۇزۇلدى ۋە ئۈچ يەرگە ئىشىك ئېچىلدى، مەسجىدنىڭ قىبلە تام تەرىپىدىن ئالدى تامغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كەڭلىگىمۇ شۇنچىلىك ياكى سەل تارراق پۈتۈپ چىقتى. مەسجىد تېمنىڭ ئاساسىي ھۇلى ئۈچ گەزگە يېقىن تۇتۇلدى.

مەسجىد پۈتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ يان تەرىپىگە خام خىشلار بىلەن بىر قانچە كىچىك-كىچىك ئۆيلەر سېلىنىپ، ئۈستىگە خورمىنىڭ شاخ-شۇمبىلىرى يېپىلدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ئۈچۈن سېلىنغان ھۇجرىلىرى ئىدى. ھۇجرىلار پۈتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەبى ئەييۇبنىڭ ئۆيىدىن ئۇنىڭغا كۆچۈپ كەلدى.

بۇ مەسجىد ناماز ئادا قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان خانىقا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى تەلىماتلىرى ۋە ئەمىر-پەرمانلىرى يەتكۈزۈلىدىغان سورۇن، ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىنىدىغان ئالىي بىلىم يۇرتى؛ ئۇزاق زامانلاردىن بېرى جاھىلىيەت ۋە ئىچكى ئۇرۇشلار يىراقلاشتۇرۋەتكەن بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىكى بار قەبىلىلەرنىڭ ئۇچرىشىپ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئۈلپەت ھاسىل قىلىدىغان يىغىن مەركىزى؛ ئىجتىمائىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان، دۈشمەنگە قارشى قوشۇن تەشكىللەيدىغان ھەربىي بازا؛ شۇنداقلا مەسلىھەت، كېڭەش سورۇنى ۋە ئىجرائىيە مەجلىسلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان پارلامېنت (قۇرۇلتاي) ئورگىنى بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مەسجىد يۇرت-ماكانلىرىدىن، مال-دۇنيالىرىدىن ۋە ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ كەلگەن زور بىر تۈركۈم كەمبەغەل مۇھاجىرلارنىڭ تۇرالغۇ جايىمۇ بولغانىدى.

ھىجرەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ھەر كۈنى بەش قېتىم ئوقۇلۇپ، جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان مۇڭلۇق ياڭراق سادا «ئەزان» توۋلاش يولغا قويۇلدى. ئىمام تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد، ئەھمەد ۋە ئىبنى خوزەيمىلەر رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيدنىڭ ئەزان توغرىلىق كۆرگەن چۈشى ھەممىگە مەلۇملۇق.

ئىسلام قېرىنداشلىقى

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام يىغىلىش ۋە بىرلىشىش مەركىزى (مەسجىد)نىڭ قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بىرىش بىلەن بىرگە يەنە مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇلۇغۋار، ھەمدە ئاجايىپ خاسىيەتلىك مۇنداق بىر ئىشنى ئېلىپ باردى. ئۇ بولسىمۇ مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئىشى ئىدى.

ئىبنى قەييۇم مۇنداق دەيدۇ: ئارقىدىنلا رەسۇلۇللاھ ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلارنى يېغىپ ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ قورۇسىدا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. بۇ پائالىيەتكە توقسان كىشى قاتناشتى. ئۇلارنىڭ يېرىمى ئەنسارلاردىن، يېرىمى مۇھاجىرلاردىن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى ئۆزئارا كۆيۈنسۇن ۋە ئۆزئارا ياردەمدە بولسۇن ئۈچۈن قېرىنداش قىلىپ قويدى. ئۇلار بەدرى ئۇرۇشىدىن كېيىنگە قەدەر ئۇرۇق-تۇققانلار بىر-بىرىگە مىراسخور بۇلۇشماستىن، ئاشۇ ئىسلام قېرىنداشلىقى ئورناتقانلار بىر-بىرىگە ۋارىس (مىراسخور) بولۇشاتتى. ئاللاھ سۇرە ئەنفالدا ﴿واولوا الارچام بىگھم اولۈ ببىگ﴾ «ئۇرۇق-تۇققانلار بىر-بىرىگە مىراسخور بولۇشقا (ياتلاردىن) ئەڭ ھەقلىقتۇر»، («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 75- ئايەت) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغاندىن كېيىن ئىسلام قېرىنداشلىقىدىكى بىر-بىرىگە مىراسخور بولۇش قائىدىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ پەقەت ئۇرۇق- تۇققانلار مىراسخور بولۇش قائىدىسى ساقلاپ قېلىندى.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رەسۇلۇللاھ ئىككىنچى قەدەمدە مۇھاجىرلارنىمۇ ئۆزئارا بىر-بىرىگە چېتىپ قېرىنداش قىلىپ قويغان. ئەمما، ئاۋۋالقى قاراش تېخىمۇ توغرىدۇر. چۈنكى، مۇھاجىرلار ئارىسىدا ئىسلام قېرىنداشلىقى، يۇرتداشلىق، نەسەب ۋە ئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بار بولغاچقا ئۇلار ئارىسىدا قايتا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭ زۈرۈرۈيىتى يوق ئىدى، ئەمما ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلار ئوتتۇرىسىدا بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش تولىمۇ زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىك ئىش بولغانىدى.

بۇ قېرىنداشلىقنىڭ نىشانى (ئىمام غەززالى ئېيتقىنىدەك) جاھىلىيەتچە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە كىشىنىڭ قەدرى-قىممىتى ۋە ياكى خار-زەبۇنلىقى ئۇنىڭ ئىدىيە ئەخلاقى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش دېگەن بولاتتى. بۇ دېگەنلىك ئۆز تەرەپدارىنى پەقەت ئىسلام ئۈچۈنلا ھىمايە قىلىش ۋە قوغداش، نەسەب، ئېرق ۋە يۇرت پەرقلىرىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ساھابىلىرى ئارىسىدا ئورناتقان بۇ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي توۋلايدىغان قۇرۇق شوئارغا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك ئەھدۇ-پەيمانغا، جانغا ۋە مالغا چېتىلىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغانىدى. ئۆز مەنپەئەتىدىن باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى ئەلا بىلىش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە ئۆزئارا ئۈنسى ئۈلپەت ۋە چىقىشقاقلىق بۇ قېرىنداشلىققا شۇنداق چوڭقۇر سىڭگەن ئىدىكى ئۇ ئىشلار بولۇپ، بۇ يېڭى جەمئىيەتنى ئاجايىپ تەسىرلىك ئىش-ئىزلار بىلەن توشقۇزۇۋەتكەنىدى.

ئىمام بۇخارى نەقىل قىلغان ھەدىستە: «مۇھاجىرلار مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئوتتۇرىسىنى قان-قېرىنداش قىلىپ چېتىپ قويدى. ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋف بىلەن سەئىد ئىبنى رەبىيئەنىڭ ئوتتۇرىسىنى قېرىنداش قىلىپ قويغانىدى. سەئەد ئابدۇرەھمانغا: «مەن ئەنسارلار ئىچىدە ئەڭ مالدار ئادەممەن، ماللىرىمنى ئىككى ھەسسە قىلىپ بىرىنى سەن ئالغىن، ئىككى ئايالىم بار، ساڭا قايسىسى چىرايلىق كۆرۈنسە ماڭا ئېيتقىن، ئۇنىڭ تالىقى (سۆزى)نى بېرەي، ئىددىتى چىقىپ بولغاندا سەن نىكاھىڭغا ئالغىن»، دېدى. ئابدۇرەھمان ئۇنىڭغا جاۋابەن: «ئاللاھ سېنىڭ ئائىلەڭگە ۋە مال-دۇنيالىرىڭغا بەرىكەت بەرسۇن، ماڭا بازىرىڭلارنى كۆرسىتىپ قويساڭلار كۇپايە»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئابدۇرەھماننى بەنى قەينۇقا بازىرىغا باشلاپ باردى. ئابدۇرەھمان ئۇ يەردە ئۇنى ئېلىپ، بۇنى سېتىپ دىگەندەك بىردەمدىلا مەلۇم مىقداردا قۇرت ۋە ئازراق ياغ پايدا ئالدى. ئەتىسى ئەتىگەن يەنە باردى. شۇنداق قىلىپ بىر كۈنى ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى، ئۇنىڭدىن ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئالامەتلىرى مەلۇم بولدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن: «نېمە ئىش بۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئابدۇرەھمان: « ئۆيلىنىۋالدىم»، دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭغا قانچىلىك تويلۇق ئاپاردىڭ؟» دېۋىدى، ئابدۇرەھمان: «ئۇكچە چوڭلۇقىدا ئالتۇن مەھرى بەردىم»، دېدى، دېيىلىدۇ.

ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە: «ئەنسارلار پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامغا: «خورمىزارلىقنى بىز بىلەن مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزغا بۆلۈپ بەرگىن» دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام: «ياق، ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ»، دەپ ئۇنىمىدى. بۇ چاغدا مۇھاجىرلار: «خورمىنىڭ بىز بىلمەيدىغان ئىشلىرىنى ئۆزۈڭلار قىلىڭلار، ئەمما ھوسۇلىغا تەڭ شېرىك بولايلى» دېگەنىدى. ئەنسارلار باش ئۈستىگە دېيىشتى.

ئەنسارلارنىڭ بۇ جاۋابى ئۇلارنىڭ مۇھاجىر قېرىنداشلىرىنى قانچىلىك قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى، ئۇلار ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەلگە تۆلەش؛ ئۆز مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىشىگە سەمىمى ساداقەتمەن بولۇشقا ھەر زامان-ھەرماكاندا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا مۇھاجىرلارنىڭمۇ بۇ ھۆرمەتنى توغرا قەدىرلىگەنلىكىنى ۋە ئەنسارلارنىڭ مال-مۈلكىنى (خۇدايىم بەردى دەپ تەييارغا ھەييار بولۇپ) بۇسۇرۇۋالماستىن، ئېھتىياجىغا چۇشلۇق ئېلىپ سەرپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

بۇ «قېرىنداشلىق ئورنىتىش» ھەرىكىتىنىڭ مۇسۇلمانلار كېيىنكى كۈنلەردە دۇچ كەلگەن ھەرخىل مۈشكۈلاتلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا ھەقىقەتەنمۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دانا تەدبىر بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

ئىسلامى ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىنامىسى

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مۇئمىن- مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندەك، ئۇلار ئارىسىدا يەنە ئىسلامى ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىنامىسى ئورناتتى. ئۇ بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا قېپقالغان جاھىلىيەتنىڭ كونا ئەسەبىي قاراشلىرىنى ۋە قەبىلە تالاش- تارتىشلىرىنى تۈگەتتى. جاھىلىيەتنىڭ قالاق ئەنئەنىلىرىگە خاتىمە بەردى.

ئەھدىنامىنىڭ ماددىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى:

بۇ مۇھەممەد پەيغەمبەر (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ قۇرەيش ۋە يەسرەب (مەدىنە)لىك مۇئمىن-مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ۋە بۇلارغا ئەگىشىپ كېيىن قوشۇلغان ۋە ئۇلار بىلەن بىر تام بولۇپ جىھاد قىلغانلار ئوتتۇرىسىدا توختاتقان ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىنامىسىدۇر:

  1. مۇئمىن-مۇسۇلمانلار بىر ئۇممەت ھېسابلىنىدۇ، يات دىندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

  2. قۇرەيشلىك مۇھاجىرلار ئۆز ھالىغا يارىشا، دىيەت-تۆلەم ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئەسىر قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئاڭلىق كۈچ قوشىدۇ. ئەنسارلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۆلەم دىيەت ئىشلىرىنى ئاۋالقىدەكلا ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر قايسى ئايماق-ئاۋۇللار ئۆز ئەسىرلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

  3. مۇئمىن مۇسۇلمان بولغان كىشى ئەسىر قۇتقۇزۇش ياكى تۆلەم تۆلەش ئىشلىرىدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋالمايدۇ.

  4. تەقۋادار مۇئمىن مۇئمىنلەرگە قارشى تۇرغانلارغا ياكى ئۇلارغا قارشى دۈشمەنلىك سۈيىقەستىنى پىلانلىغۇچىلارغا، گۇنا-مەئسىيەت، تاجاۋۇزچىلىق، ئىغۋاگەرچىلىك، بۇزۇقچىلىق يولىنى تۇتقۇچىلارغا ئورتاق قارشى تۇرىدۇ.

  5. مەزكۇر يامان ئىش، يامان ھەرىكەتلەرگە قارىتا ھەممەيلەن ئورتاق قارشى تۇرىشى، ئاتىسى ياكى بالىسىنىڭ بۇ ئىشلارغا چېتىلىپ قېلىشى ئۇنى ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتىن توسۇپ قويماسلىقى لازىم.

  6. مۇئمىن ئادەم كاپىرنىڭ قىساسىنى دەپ يەنە بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرمەيدۇ.

  7. مۇئمىن-مۇسۇلمان كىشى باشقا بىر مۇسۇلمانغا قارشى كاپىرغا ياردەم بەرمەيدۇ.

  8. ئاللاھنىڭ باشپاناھلىقى ھەممىگە ئورتاق بۇنىڭدا يۇقىرى-تۆۋەن دەپ ئايرىلمايدۇ.

  9. يەھۇدىيلاردىن بىزگە تابى بولغانلارنى (باشقا يەھۇدىيلارغا ناھەق ئۇۋال قىلىنمىغان ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىمىغان ئاساستا) قوغداش ۋە قوللاش لازىم.

  10. مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچلىقى بىر پۈتۈن جامائەتچىلىكنىڭ ئورتاق تىنىچلىقىدۇر. شۇڭا ئاللاھ يولىدىكى جىھادتا بىر مۇئمىن يەنە بىر مۇئمىننىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سۈلھى تۈزمەسلىكى لازىم. بىراق، تەڭ-باراۋەرلىك، ئادالەت ئۈچۈن بولسا ئۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.

  11. مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى قان تۆكۈش، قان تۆكۈلۈش زىدىيەتلىرىدە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمى بويىچە مۇكاپات ۋە جازا يۈرگۈزۈلىدۇ .

  12. ھېچقانداق بىر يەسرەپلىك مۇشرىك قۇرەيشلىكلەرنىڭ مېلىغا، نە جېنىغا پاناھلىق بېرەلمەيدۇ ۋە ئۇنى مۆئىمىنلەردىن قوغداپ قالالمايدۇ.

  13. ھەر قانداق ئادەمنىڭ يەنە بىر مۇئمىن ئادەمنى قەستەن ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ئىسپاتلانسا، ئۇ قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىراق، ئۆلگۈچى تەرەپنىڭ ئىگە چاقىلىرى ئەپۇ قىلسا، ئۇ بۇ ھۆكۈمدىن مۇستەسنادۇر.

  14. بۇ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشتا ھەممە مۇئمىن مۇسۇلماننىڭ ئورتاق مەجبۇرىيتى بار. ئىجرا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز پاسىپلىق قلىشقا بولمايدۇ.

  15. مۇئمىن-مۇسۇلمانلار بۇزۇق نىيەتلىك ئادەملەرگە ياردەم بېرىشكە ۋە ئۇلارغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىشكە بولمايدۇ. كىمدە كىم شۇنداق ئادەملەرگە ياردەم بېرىدىكەن ياكى سورۇن ھازىرلاپ بېرىدىكەن قىيامەت كۈنىدە ئۇ ئاللاھنىڭ لەنىتى ۋە غەزىپىگە دۇچار بۇلۇشقا مۇناسىپتۇر. ئۇنىڭدىن نە پەرز، نە نەفلى ئىبادەت (سەدىقە) قوبۇل قىلىنمايدۇ.

  16. مۇسۇلمانلار ھەر قانداق بىر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالسا ئۇنى ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ ئايرىپ(بىر تەرەپ قىلىپ) قۇيۇشىغا سۇنۇلىدۇ.

روھىي تەربىيىنىڭ ئىجتىمائى تەسىرى

مانا مۇشۇنداق ھېكمەتلىك، دانا تەدبىر ۋە پۇختا ئاساسلار بىلەن رەسۇلۇللاھ بۇ يېڭى جەمئىيەتنىڭ ھۇل-ئاساسىنى تۇرغۇزدى. بۇ بۈيۈك يۈزلىنىش ماھىيەتتە، ئاشۇ ئۇلۇغ ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ مەرىپەتلىك سۆھبەت بۇلىقىدىن ئالغان روھى ئوزۇقىنىڭ ئەمەلىي تەسىرى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئەتە-ئاخشىمى، ئىلىم-بىلىم ئۆگەتتى، تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ روھىيىتىنى پاكلاپ ۋە ئېسىل ئەخلاقلارغا تەرغىپ قىلىپ تۇراتتى ۋە ئۇلارغا قېرىنداشلىق، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە تائەت-ئىبادەتلىك بولۇشنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرىنى ئۆگىتەتتى.

بىر كىشى رەسۇلۇللاھدىن: «ئىسلام دىنىدا ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ياخشى؟ … » دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «ئاچلارغا تاماق بېرىسەن، تونۇغان-تونۇمىغان ھەممىگە سالام قىلىسەن»، دەپ جاۋاب بەردى.

ئابدۇللاھ ئىبنى سالام مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان كۈنىلا مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەنىدىم، ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ھەرگىز يالغان ئېيتمايدىغانلىقىنى پەملىدىم. ئۇ تۇنجى سۆزلىگەن نۇتىقىدا: «ئى خالايىق! سالامنى ئۈنلۈك، ئاشكارا قىلىڭلار، ئاچلارغا تائام بېرىڭلار، ئۇرۇق تۇققانلارغا سىلە-رەھىم قىلىڭلار، كېچىدە ھەممە ئادەم ئۇخلىغاندا سىلەر ناماز ئوقۇڭلار شۇنداق قىلساڭلار ئامان-ئېسەن جەننەتكە كىرىسىلەر»، دېدى.

رەسۇلۇللاھ يەنە مۇنداق دەيتتى:

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ يەنە مۇنداق دەيتتى:”

«قولۇم-خوشنىلىرى يامانلىقىدىن ئەمىن بولالمايدىغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ».

–– «مۇسۇلمان دېگەن باشقا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلى ۋە قولىدىن ئەمىن بولالىغان ئادەمدۇر».

¬–– «بىر كىشى ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى باشقا مۇئمىن قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە (كامىل) مۇئمىن بولالمايدۇ».

¬¬¬¬–– «مۇئمىن-مۇسۇلمانلار گويا بىر تەن، بىر گەۋدىگە ئوخشايدۇ، كۆزى ئاغرىسىمۇ پۈتۈن بەدەن سىرقىرايدۇ. باش ئاغرىسىمۇ ھەم شۇنداق».

–– «مۇئمىن-مۇسۇلمانلار ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشتا گويا چوڭ بىر بىناغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ خىشلىرى بىر-بىرىنى چىڭىتىدۇ».

ئۇ يەنە مۇنداق دەيتتى:

«ئاداۋەتلەشمەڭلار، ھەسەتخورلۇق قىلماڭلار، دۇشمەنلەشمەڭلار. ئى خۇدانىڭ بەندىلىرى، ھەممىڭلار بىر تۇققان قېرىنداشتەك بولۇڭلار. مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ».

–– «مۇئمىن-مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قېرىنداشتۇر، بىرسى-بىرسىگە زۇلۇم قىلمىسۇن ۋە ئۇنى دۈشمىنىگە تۇتۇپ بەرمىسۇن. كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش يولىدا ماڭسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى غەمدىن خالاس قىلسا ئاللاھ ئۇ ئادەمدىن قىيامەت كۈنىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن چوڭ بىر قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە ئۇ ئادەمنىڭمۇ ئەيىبىنى ياپىدۇ».

–– «زېمىندىكى كىشىلەرگە مېھرى-شەپقەت قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ».

–– «ئەتراپىدىكى قولۇم-خوشنىلىرى ئاچ-يالىڭاچ يۈرۈۋاتسا، ئۆزىلا يەپ-ئىچىپ قورسىقى توق يۈرگەن كىشى مۇئمىن ئەمەس، مۇئمىننى تىللاش پاسىقلىقتۇر، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش كۇفرىلىقتۇر».

رەسۇلۇللاھ يەنە يوللاردىن زىيانلىق نەرسىلەرنى يوقىتىشنى، سەدىقە قىلغانغا باراۋەر دەيتتى ۋە ئۇنى ئىماننىڭ بىر تارمىقى دەپ ھېسابلايتتى. ئۇ يەنە مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنى خەيرى-ساخاۋەت قىلىشقا تەرغىپ قىلىپ، سەدىقە ۋە ساخاۋەتنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا ئادەمنىڭ دىلى ئېرىگىدەك ياخشى گەپلەرنى قىلىپ بىرەتتى. ئۇ: «سەدىقە بىرىش گوناھ-مەسئىيەتلەرنى، گويا سۇ ئوتنى ئۆچۈرگەندەك ئۆچۈرىدۇ»، دېدى.

–– «قايسى بىر مۇسۇلمان يالىڭاچ (يېلىڭ) قالغان بىر مۇسۇلمانغا كىيىم كىيگۈزۈپ قويسا، ئاللاھ ئۇ مۇسۇلمانغا قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ يېشىل تونلىرىدىن بىر تون ياپىدۇ. قايسى بىر مۇسۇلمان ئاچ قالغان بىر مۇسۇلماننى تويغۇزسا، ئاللاھ ئۇنى جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن غىزالاندۇرىدۇ، قايسى بىر مۇسۇلمان ئۇسسۇز-تەشنا مۇسۇلمانغا سۇ بەرسە، ئاللاھ ئۇنى(جەننەتتىكى) شېرىن بۇلاقتىن سۇغىرىدۇ».

–– «بىر خورمىنىڭ يېرىمى(نى سەدىقە قىلىش) بىلەن بولسىمۇ دۇزاخ ئۇتىدىن ساقلىنىڭلار، ئۇنى تاپالمىساڭلار چىرايلىق گەپ بىلەن بولسىمۇ شۇنداق قىلىڭلار»،

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ يەنە تىلەمچىلىك قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ قولىغا قارايدىغان تەييار تاپ بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشقا بۇيرىيتتى ۋە سەۋرچان، قانائەتچان بولۇشنىڭ پەزىلەتلىرىنى چۈشەندۈرەتتى. ئۇ: «باشىقىلارنىڭ قولىدىن بىر نەرسە تىلەپ يېيش قىيامەت كۈنىدە تىلىگۈچىنىڭ يۈزىدە ئۆچمەس داغ ياكى ئەتسىز (ئىسكىلىت) ھالەت ۋە ياكى ساقايماس زىدە-جاراھەت پەيدا قىلىدۇ، (بىراق) مەجبۇرلۇق ھالەت بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر»، دەيتتى.

ئۇ يەنە ساھابىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبادەتكە بېرىلىدىغان كاتتا ئەجىر-ساۋابلارنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىللە ئۆزىگە نازىل بولغان ۋەھىيلەرنى ئوقۇپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ۋەھى ئىلاھى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چىڭىتاتتى. ئۇلارمۇ كۈنلۈك ۋەھىينى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇۋېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى ۋەھىيگە بولغان تونۇشىنى ئوستۈرەتتى. بۇخىل دەرس مۇزاكىرە ئۇلارغا ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ بىلىمنى چوڭقۇرلاشتى ۋە ئۇلارغا ئىسلامىي دەۋەتنىڭ تەلىۋى ۋە ئىلاھىي ئەلچىلىكنىڭ مەسئۇلىيتىنى تۇنۇتاتتى.

رەسۇلۇللاھ نىڭ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل تەربىيىسى ئاستىدا، ساھابىلەرنڭ پۈتكۈل روھىي دۇنياسى ئەخلاق-رەۋشلىرى پۈتۈنلەي ئىسلامىي ئاڭ ۋە ئىسلامىي ئىدىيە ئاساسىغا قۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ئىتقاد قىلغان ۋە بەيئەت بەرگەن بۇ دىننىڭ ماھىيىتى ۋە ئاخىرقى نىشانىنى مۇكەممەل رەۋىشتە چۈشەندى، ئۇلار ھاياتلىقتىكى ھەرقانداق ھادىسىگە ئىسلامىي ئاڭ ۋە ئىسلامىي نۇقتىدىن شەيئىلەرنىڭ قىممىتىنى پەقەت ئىسلامىي ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدىغان بولدى. رەسۇلۇللاھ يەنە ساھابەكىراملەرنىڭ ۋۇجۇدىدا مەنىۋى مەدەنىيەت پەزىلىتىنى ۋە گۈزەل ئەخلاق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى ۋە ئۇلارنى كىشىلىك قەدرى-قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى ۋە يۇقىرى ئۆلگە تىكلەش قارىشى بىلەن تەربىيىلەپ، ئاخىر ئۇلارنى ئىنسانىيەت تارىخىدا پەيغەمبەرلەردىن قالسا كامالەت يۇقىرى پەللىسىدىكى ئەڭ لايىق ئۆگىنىش ئۆلگىلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد: «سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يولىدا ماڭماقچى بولغانلار چوقۇم ئۆلۈپ كەتكەن ياخشىلارنىڭ يولىدا ماڭسۇن، چۈنكى ھايات كىشىلەر پىتنە-پاساتتىن ئەمىن بولالمايدۇ. ئەنە ئاشۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىلىرى) مۇشۇ ئۇممەتنىڭ ئەڭ ئەۋزەل كىشىلىرىدۇر، ئۇلار قەلبى پاك، ئىلمى چوڭقۇر، قۇرۇق تەكەللۇپتىن خالىي كىشىلەر ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ سۆھبىتى ئۈچۈن ۋە ئۆز دىنىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تاللىغاندۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى تونۇڭلار ۋە ئۇلارغا ئەگىشىڭلار قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۇلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈڭلار! چۈنكى ئاشۇلارلا توغرا ھىدايەت بىلەن كەتكەنلەردۇر»، دېگەن.

ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ ئۇممەتنىڭ ئەڭ ئالىي يولباشچىسى بولغان رەسۇلۇللاھ يۈكسەك كامالەت، تەبىئى ئىقتىدار، ئالىيجاناپ روھ، ئېسىل پەزىلەت، گۈزەل ئەخلاق ۋە بۈيۈك خىسلەتلەرنى كىشىنىڭ قەلبىنى مەھلىيا قىلغۇدەك ۋە جان پىدا قىلىشقا ئەرزىگۈدەك دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇ ھەر قانداق بىر گەپنى قىلسا ساھابىلەر ئۇنى ئورۇنداشقا ئالدىرايتتى بىرەر خىزمەت ياكى بىرەر ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرسا ئۇنى بەس-بەستە ئەمىلىلەشتۈرەتتى. مانا مۇشۇنداق ئەتراپلىق تۇتۇش ۋە تەربىيىلەش ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ بۇ يېڭى ۋەتەندە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەڭ بەخت سائادەتلىك ۋە ئەڭ ئىناق بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىپ قۇرۇپ چىقتى ۋە ئىنسانىيەت يىراق ئۆتمۈش ۋە ياكى يېقىن كەلگۈسىدە بولمىسۇن ھەل قىلىشقا قادىر بولالمىغان (ئەمەلىيەتتە قادىر بولالايدىغان) نۇرغۇن مەسىلە ۋە مۈشكىلاتلارغا ھەل قىلىش ئاساسىنى تۇرغۇزدى.

رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق يۈكسەك مەنىۋى تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق زاماننىڭ ھەرخىل دولقۇنلىرىغا دۇچ كەلگەن بۇ يېڭى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى پەيدىن-پەي تاكامۇللاشتۇردى، ھەتتا ئۇ (زامان)نىڭ تەتۈر ئېقىنىنى ئوڭغا بۇرىيالىدى، تارىخ ۋە پەلەك گىردىشىنى يېڭى يۆنىلىشكە قاراپ يۈزلەندۈرەلىدى.

يەھۇدىيلار بىلەن ئەھدىنامە تۈزۈش

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كېلىپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئېتىقادىي ۋە سىياسىي بىرلىك ھەم ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىش ئارقىلىق بۇ يېڭى ئىسلامىي جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، غەيرى مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنى رەتكە سېلىش قارارىغا كەلدى. ئۇنىڭدىن مەقسەت مەدىنە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئىناق خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلامىي دەئۋەتنىڭ پۇختا ئاساسىنى تۇرغۇزۇش، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىخەتەر، تىنچ، بەخت-سائادەتلىك، ئىللىق تورمۇش مۇھىتى يارىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە شۇنداق كەڭ قۇرساق، شۇنداق يول قۇيۇش سىياسىتىنى يولغا قويدىكى، ئېغىر تەئەسسۇبىيەت ۋە چېكىدىن ئاشۇرۇپ جازالاش شۇئارى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئاشۇ جاھاندا ئۇنداق دانا سىياسەت ھەرگىز تېپىلمايتتى.

غەيرى مۇسۇلمانلاردىن مەدىنىگە ئەڭ يېقىن جايدا ئولتۇراقلاشقانلار (يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك) يەھۇدىيلار ئىدى. گەرچە ئۇلار مۇسۇلمانلارغا يۇشۇرۇن ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈرۈۋاتقان بولىسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن ھازىرغىچە ھېچقانداق قارشىلىق ياكى ئەمەلىي دۇشمەنلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۇلار بىلەن دىنى ئىتقاد ۋە مال-مۈلۈك ئىگىدارچىلىق جەھەتتە مۇتلەق ئەركىنلىك بېرىلگەن مۇنداق بىر كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىم كەمسىتىش، ناھەقچىلىق ۋە ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىقلاردىن تامامەن خالىي بولدى.

بۇ كېلىشىم مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنامە قاتارىدا بىرگە ئىمزالىنىپ يولغا قويۇلدى. بۇ كېلىشىمنامىنىڭ ماددىلىرى تۆۋەندىكىلەر ئىدى:

  1. بەنى ئەۋف يەھۇدىيلىرى مۇئمىن-مۇسۇلمانلار بىلەن پۈتۈن بىر گەۋدە. يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولىدۇ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى كەمسىتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىگە چاقىلىرى ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە چوقۇم كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. بەنى ئەۋف يەھۇدىيلىرىدىن باشقا يەھۇدىيلارمۇ مۇشۇ بويىچە ئۆزىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ.

  2. يەھۇدىيلارمۇ، مۇسۇلمانلارمۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ (ئالۋان-سېلىق قويۇلمايدۇ).

  3. مۇشۇ كېلىشىمگە قول قويغۇچى تەرەپلەر بىر-بىرىنىڭ دۈشمىنىگە ئورتاق قارشى تۇرىدۇ.

  4. يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار بىر-بىرىگە سەمىمىي، سادىق بولىدۇ، گۇناھ سادىر قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئۆزئارا خەيرى-خاھلىق قىلىشسا بولىدۇ.

  5. ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئاسىيلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  6. قايسى تەرەپ زۇلۇمغا ئۇچرىسا ياردەم بېرىلىدۇ.

  7. مۇئمىن-مۇسۇلمانلار ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدىكەن يەھۇدىيلار چوقۇم مۇسۇلمانلار بىلەن بىر تەرەپ تۇرىدۇ.

  8. مۇشۇ كېلىشىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن يەسرەب (مەدىنە) تەۋەلىكى ھارامدۇر .

  9. كېلىشىمگە ئىمزا قويغان ھەر قايسى تەرەپ ئەزالىرى ئوتتۇرىىسىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق ۋەقە ياكى جېدەل-ماجىرا، ئىختىلاپلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنىلىدۇ.

  10. ئىمزا قويغۇچى ھەر قايسى تەرەپ ئەزالىرى قۇرەيش ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا پاناھلىق بەرمەيدۇ.

  11. يەسرەب (مەدىنە)نى قوغداش ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپ ئورتاق كۈچ چىقىرىدۇ. ھەممەيلەن ئۆز تەۋەلىكى، ئۆز رايونىنى قوغداش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىدۇ.

  12. كېلىشىمنامە ماددىلىرى زالىمنىڭ زۇلمىدىن ياكى گۇناھكار ئاسىينىڭ بىخەستىلىكى تۈپەيلىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ.

مانا بۇ كېلىشىمنامىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن مەدىنە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپ رايونلىرى بىرلىككە كەلگەن مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلاندى. مەدىنە شەھىرى دۆلەتنىڭ پايتەختى، رەسۇلۇللاھ بۇ دۆلەتنىڭ رەئىسى (ئەگەر مۇشۇنداق ئاتاش توغرا بولسا)لىككە سايلاندى. ھاكىمىيەت ۋە ھوقۇقنى مۇسۇلمانلار ئىگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن مەدىنە ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھەقىقى پايتەختىگە ئايلاندى. كېيىنچە رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىك دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەمەلىي شەرت-شارائىتقا بېقىپ ئەتراپتىكى يەنە باشقا قەبىلىلەر بىلەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى. ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى كېيىنكى بەتلەردىن كۆرگەيسز.

قانلىق توقۇنۇش

ھىجرەتتىن كېيىن قۇرەيش دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىك ئۇرۇشى قوزغىغانلىقى ۋە مۇناپىق ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىلاشقانلىقى ئالدىنقى باپلاردا بىز مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا سالغان زۇلۇملىرىنى ۋە پاجىئەلىك قىيناشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ھىجرەت مەزگىلىدە مۇسۇلمانلارغا قىلمىغان ۋەھشىيلىكلىرى قالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارمۇ ئۆلتۈرۈلۈشكە ۋە مال مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدۇق. لېكىن، ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن ئەس-ھوشىنى يىغىۋېلىپ، تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختاتماستىن، بەلكى تېخى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىگە ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن مەدىنىدە بىخەتەر، تىنچ ماكان تېپىۋالغانلىقىغا چىدىماي كەتتى. شۇڭا، ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيگە ۋە ئۇنىڭ مۇشرىك تايانچىلىرىغا خەت يېزىپ ئوچۇقتىن-ئوچۇق: «سىلەر بىزنىڭ ھېلىقى ئادىمىمىزگە ئورۇن بېرىپسىلەر، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، سىلەر ئۇنى ئۆزەڭلار جازالاپ بىر تەرەپ قىلىۋەتمىسەڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن قوغلاپ چىقارمىساڭلار، بىز ئومۇميۈزلۈك قوزغىلىپ چىقىپ ئەرلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىڭلارنى خوتۇن قىلىمىز…» دېدى.

بۇ خەتنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي مەككىلىك قەدىناسلىرىنىڭ پەرمانىنى بىجا كەلتۈرمەكچى بولدى (چۈنكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى بولغۇسى پادىشاھلىق تەختىمنى تارتىۋالىدى دەپ ئاغرىنىپ يۈرەتتى).

ئابدۇرەھمان ئىبنى كەئب مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەت ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ۋە ئۇنىڭ بۇتپەرەس سەپداشلىرىنىڭ قولىغا تەگكەن ھامان ئۇلار توپلىنىپ رەسۇلۇللاھقا قارشى ئۇرۇش قوزغاش قارارىغا كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ دەرھال ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇلارغا: «قۇرەيشلىكلەرنىڭ دەبدەبە ھەيۋىسى سىلەرنى چۆچۈتۈۋېتىپتۇ، ئۇلار سىلەرگە ھازىر ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارغا سالماقچى بولغان زىياندىن چوڭ زىيان سالالمايدۇ. سىلەر ھازىر ئۆز پۇشتۇڭلار ۋە ئۆز قەۋم-قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشماقچى بولۇۋاتىسىلەر»، دېدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئاستاغىنا تاراپ كېتىشتى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئۆز ئادەملىرىنىڭ كۈنسايىن ھىدايەت تېپىپ مۇسۇلمانلار سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇرۇشۇش نىيىتىدىن يانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۈرىكى يەنىلا قۇرەيشلەرنىڭ يۈرىكى بىلەن تەڭ سوقاتتى. شۇڭا ئۇ پۇرسەت تاپسىلا مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ ۋەقە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇناتتى ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن يەھۇدىيلارنى ئۆز بېقىنغا قىسىۋالغانىدى، لېكىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئاشۇ دانا تەدبىرلىرى ئۇلارنىڭ يامانلىق ئوتلىرىغا سوغۇق سۇ سېپىپ، قاينىغان قازانلىرىنى توختىتىپ قويۇۋاتاتتى.

مۇسۇلمانلارنى بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشتىن چەكلەش ئېلانى

مۇشۇ ۋەقەدىن ئازغىنىدىن كېيىن سەئەد ئىبنى مۇئاز ئومرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كەلدى ۋە مەككىدە ئۇمەييە ئىبنى خەلەفنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا: «ماڭا خىلۋەت بىر ۋاقىتنى تاللاپ قاراپ تۇرساڭ، مەن كەئبىنى تاۋاپ قىلىۋالغان بولسام»، دېدى. شۇڭا ئۇ سەئەدنى كەچكە يېقىن بىر ۋاقىتتا ھەرەمگە ئېلىپ چىقتى. لېكىن، «ئاغرىقتىن قېچىپ ئۆلۈمگە يولۇقتى»، دېگەندەك ئۇلار ئەبۇ جەھىلگە ئۇچراپ قالدى. ئەبۇ جەھىل ئۇمەييىدىن: «ئى ئەبۇ سەفۋان! يېنىڭدىكى بۇ كىمۇ؟ دەپ سورىغانىدى، ئۇمەييە: «بۇ سەئىد، يەسرەبلىك دوستۇم»، دېدى. بۇ چاغدا ئەبۇ جەھىل سەئىدگە: «ئەجەبا، سەن مەككىدە خاتىرجەم ئايلىنىپ يۈرۈيسىنا؟ ھالبۇكى سەنلەر دىنىي قاچقۇنلارنى ئاراڭلارغا ئېلىشتىڭ، تېخى ئۇلارغا ياردەم بەرمەكچى ۋە ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەكچى بولۇۋاتىسىلەر! ئاگاھ بولۇش، سەمىڭگە سېلىپ قويايكى، ناۋادا سەن ئەبى سەپۋان (ئۇمەييە ئىبنى خەلەف) بىلەن بىللە بولمىغان بولساڭ، قەسەم قىلىمەنكى، ھەرگىز ساق-سالامەت قايتالمايتتىڭ»، دېدى. سەئەد ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ ئۈنلۈك توۋلاپ: «ھەي كىشى! مەنمۇ ئېسىڭگە سېلىپ قوياي، ئەگەر سەن مېنى بۇ ئىشتىن توسىدىغان بولساڭ، قەسەم قىلىمەنكى، مەن سېنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئەجەللىك نەرسەڭنى — مەدىنىدىن ئۆتۈپ شامغا بارىدىغان تىجارەت يولۇڭنى توسىمەن»، دېدى.

قۇرەيشلەر مۇھاجىرلارغا يەنە تەھدىت سالدى

شۇنىڭدىن كېيىن قۇرەيش تەرەپ مۇسۇلمانلارغا يەنە خەت يېزىپ: «سىلەر يەسرەپكە كېلىۋالدۇق دەپ مەغرۇرلانماڭلار، بىز يېقىندا شۇ تەرەپكە قوشۇن تارتىپ بېرىپ سىلەرنى يوقىتىمىز ۋە ئۆي-ئارام، باغ-ۋارانلىرىڭلارنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىمىز»، دېدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق ھەيۋە ياكى تەھدىت سېلىپ قويۇشلا ئەمەس ئىدى، رەسۇلۇللاھ قۇرەيشلەرنىڭ توختىماي سۈيقەست پىلانلاۋاتقانلىقىنى ۋە نىيىتىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ تۇراتتى. شۇڭا، ئۇ نەچچىلىگەن كېچىلەرنى بىدار ياكى مۇھاپىزەت ئاستىدا ئۆتكۈزدى.

ئىمام مۇسلىم «سەھىھۇلمۇسلىم»دا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلىپ ئېيتىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كەلگەن دەسلەپكى كېچىلەرنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزدى. ئۇ: «كاشكى ساھابىلاردىن سالىھ (ياخشى) بىر كىشى مېنى بۈگۈن كېچە مۇھاپىزەت قىلغان بولسا»، دېدى. ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: «بىز شۇ گەپلەرنى قىلىشىپ ئولتۇراتتۇق، سىرتتا قورال-ياراقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، رەسۇلۇللاھ: ‹كىم بۇ؟›، دېگەنىدى. سىرتتىن: ‹سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس›، دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ‹نېمە دەپ كەلدىڭ؟› دېۋىدى، سەئەد: ‹ئى رەسۇلۇللاھ سەندىن ئەنسىرەپ، دىلىم باشقىچىلا خەۋپسىرەپ قالدى. شۇڭا، بۈگۈن سېنى مۇھاپىزەت قىلاي دەپ كەلدىم›، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا خەيرىلىك دۇئا قىلدى ۋە ئارامىدا ئۇخلىۋالدى».

بۇ خىل مۇھاپىزەت قىلىش ۋە قوغداش ئايرىم كېچىلەرلا بولماستىن، بەلكى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشقانىدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھ كېچىلىرى داۋاملىق قوغدىلاتتى، تاكى ﴿واللھ يىپمك من الناس﴾ «ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلايدۇ» («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 67- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ چادىردىن بېشىنى چىقىرىپ: «ئى خالايىق! قايتىڭلار، ئاللاھ مېنى ئۆز ھىمايىسىدە ساقلىماقچى بولدى»، دېدى. بۇ خىل خەۋپ ۋە ئەندىشە رەسۇلۇللاھ بىلەنلا چەكلەنمىدى. بەلكى، ھەممە مۇسۇلمانلار ئەنسىزلىك ۋە ۋەھىمە ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزدى. ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: «رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى مەدىنىگە كېلىپ ئەنسارلار ئۇلارنى ئارىسىغا ئېلىپ جاي بەرگەندىن كېيىن پۈتۈن ئەرەبلەر «بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ» ئۇلارغا قارشى تۇردى، ھەتتا ئۇلار شۇ مەزگىللەردە ئولتۇرسىمۇ، قوپسىمۇ قورال-ياراقتىن ئايرىلمايتتى»، دېدى.

زۇلۇمغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئىجازەت قىلىنىشى

مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىدىكى مەۋجۇدىيىتىگە ئېغىر تەھدىتلەر كېلىۋاتقان ۋە قۇرەيشلەر زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق پەيلىدىن يانمايۋاتقان ئاشۇ پەيتتە ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىشقا رۇخسەت قىلدى. لېكىن، ئۇنى پەرز قىلىپ بېكىتمىدى. ئېيتتىكى: ﴿اۇن للۇين يقتلون بانھم ئلموا ط وان اللھ ىلۈ نپرھم لقدير﴾ «(مەجبۇرىي) ئۇرۇش تېڭىلغانلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى. ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر». («قۇرئان كەرىم» 22 - سۈرە 39- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

مەزكۇر ئايەتتە قارشىلىق كۆرسىتىشكە رۇخسەت قىلىنىشنىڭ سەۋەبى، پەقەت ناتوغرا ئىش-ھەرىكەتلەرنى چەكلەش ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئەت-ئەھكاملىرىنى ئادىل ئىجرا قىلىشنى مەقسەت قىلىش كېرەك، دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەر قاتارىدا نازىل قىلىندى. ئاللاھ ئېيتتىكى: ﴿اللۇين إن مّكناھم فۈ الارگ ۆقامو الپلوە واتوا الزكوە وۆمروا بالمىروف ونھوا ىن المنكر﴾ «(ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق نامازنى ئادا قىلىدۇ. زاكات بېرىدۇ. ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسۇيدۇ». («قۇرئان كەرىم» 22- سۈرە 41- ئايەت).

شۇنىسى ئېنىقكى، قارشىلىق كۆرسىتىشكە رۇخسەت قىلىش ھەققىدىكى ئايەت چوقۇم مەدىنىدە نازىل بولغان. ھەرگىز مەككىدە نازىل بولغان ئەمەس، لېكىن نازىل بولغان ئېنىق ۋاقتى-سائەتنى بەلگىلىيەلمەيمىز، خالاس.

ھەر ھالدا، زۇلۇمغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى. ئەلۋەتتە، بۇنداق شارائىتتا قۇرەيش دائىرلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچى ئۇلارنىڭ كۆرەڭلىشى ۋە تاجاۋۇز قىلىشىغا ئاساسىي سەۋەب بولۇۋاتقان بولغاچقا، مۇسۇلمانلار قۇرەيشلەر مەككىدىن شامغا قاتنايدىغان تىجارەت يولىنى ئۈزۈپ تاشلىشى ئەڭ ئاقىلانە تەدبىر بولاتتى. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بۇ يوللارنى قامال قىلىش ئۈچۈن مۇنداق ئىككى خىل تەدبىر قوللاندى.

بىرى، مۇشۇ يول بويىغا جايلاشقان ۋە ياكى مەدىنە بىلەن مۇشۇ يول ئارىلىقىدا ئولتۇراقلاشقان قەبىلىلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى ياكى ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ئەھدىنامىسى ئورناتتى.

بىز يۇقىرىدا رەسۇلۇللاھنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزگەنلىكىنى ئېيتقانىدۇق. شۇنىڭدەك، ئۇ يەنە لەشكىرى يۈرۈشلەرگە تۇتۇش قىلىشتىن ئاۋۋال جۇھەينە قەبىلىسى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىنامىسى ۋە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ئەھدىنامىسى ئىمزالىدى. ئۇلارنىڭ يۇرتى مەدىنىدىن ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىققا جايلاشقانىدى. ئۇ يەنە كېيىنكى ھەربىي يۈرۈشلىرى جەريانىدا بىر قانچە كېلىشىمنامە ئىمزالىدى. ئۇنىڭ تەپسىلاتى كېيىن بايان قىلىنىدۇ.

ئىككىنچىسى، مۇشۇ يول بويىغا ئارقىمۇ-ئارقا قوشۇن ئەۋەتىپ چارلاشنى كۈچەيتتى.

بەدرى ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدىكى غازاتلار ۋە ئەۋەتىلگەن قوشۇنلار

بۆلۈم: “بەدرى ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدىكى غازاتلار ۋە ئەۋەتىلگەن قوشۇنلار”

زۇلۇمغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەزكۇر ئىككى لايىھەنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھەربىي پائالىيەتلەر باشلىنىپ كەتتى. ئۇلار (ھازىرقى زاماندىكى) چارلاپ كۆزىتىش پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش بىرتۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇنىڭدىن مەقسەت بىز كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك (مەككە-شام) ئاساسلىق يولىنى كۆزىتىش ۋە مەدىنە ئەتراپىدىكى چوڭ-كىچىك يوللار ۋە مەدىنىدىن مەككىگە بارىدىغان يوللارنىڭ (جۇغراپىيىلىك) يۆنىلىشىنى تونۇۋېلىش ۋە مۇشۇ يول بويلىرىغا جايلاشقان قەبىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىلەرنى ئورنىتىش ئىدى. شۇنىڭدەك يەسرەپ (مەدىنە) مۇشرىكلىرى ۋە يەھۇدىيلىرىغا ھەمدە شۇ ئەتراپتىكى قاراقچى بەدەۋىيلارغا: «ئەمدى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەربىي كۈچى بار بولدى، كونا زەئىپلىقىدىن قوتۇلدى»، دېگەننى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ۋە قۇرەيش دائىرلىرىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا خورەك تارتىپ يېتىۋېرىشتىن، مۇغەمبەرلىك مەسلىكىدە دەلدەڭشىپ مېڭىۋىرىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش ئىدى. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ۋە تۇرمۇش يوللىرىنىڭ چوڭ خەۋپ-خەتەرگە يولىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ تىنچلىققا مايىل بولۇشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەھەللىسىگە بېسىپ كېلىپ، ئۇرۇشۇشتىن، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشنى چەكلەشتىن ھەمدە مەككىدىكى ئاجىز مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سېلىشتىن توختىشى مۇمكىن ئىدى. تاكى شۇ چاغدا ئاندىن مۇسۇلمانلارمۇ بۇ ئارالنىڭ ھەممە يېرىدە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشتە ئەركىن-ئازادە بولالايتتى.

تۆۋەندە مۇشۇ مەقسەتتە ئەۋەتىلگەن قوشۇن لارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز.

1. سەيفۇلبەھرى قوشۇنى. ھىجىرىيىنىڭ 1- يىلى رامىزان (9- ئاي) ئېيىدا (مىلادىيە 623- يىلى 4- ئايغا توغرا كېلىدۇ) دا رەسۇلۇللاھ مەخسۇس مۇھاجىرلاردىن تەشكىللەنگەن 30 كىشىلىك بىر قوشۇنغا ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنى ئەمىر قىلىپ قۇرەيشلەرنىڭ شامدىن كېلىۋاتقان بىر تىجارەت كارۋىنىنى توسۇشقا ئەۋەتتى. كارۋاندا ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام باشچىلىقىدا 300 ئادەم بار ئىدى. قوشۇن ئېيىس تەۋەلىكىدىن، سەيفۇلبەھرى دېگەن جايغا يېتىپ بېرىپ كارۋان بىلەن ئۇچراشتى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ سەپ تارتىپ جەڭگە تەييار بولغاندا، مەجدى ئىبنى ئەمرى (ئۇ ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن) ئارىغا چۈشۈپ ئۇلارنى ئۇرۇشتىن توسۇپ قالدى.

ھەمزە باشچىلىقىدىكى بۇ قوشۇننىڭ ئەلىمى رەسۇلۇللاھ ئۆز قولى بىلەن قادىغان تۇنجى ئەلەم بولۇپ رەڭگى ئاق ئىدى. ئۇنى ئەبۇ مىرسەد كەناز ئىبنى ھۇسەين غەنەۋى كۆتۈرگەن.

2. رابىغ قوشۇنى. ھىجىرىيىنىڭ 1- يىلى شەۋۋال (10- ئاي) ئېيى (مىلادىيە 623- يىلى 4- ئاي)دا رەسۇلۇللاھ ئۇبەيدە ئىبنى ھارىس ئىبنى مۇتەللىپنى مۇھاجىرلاردىن تەشكىللەنگەن 60 كىشىلىك بىر ئاتلىق قوشۇنغا باش قىلىپ بەتنى رابىغ دېگەن جايغا ئەۋەتتى. ئەبۇ ئۇبەيدە بەتنى رابىغدا ئەبۇ سۇفيان (ئۇ ئىككى يۈز ئادەم بىلەن بىللە ئىدى) بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئىككى تەرەپ يىراقتىن كۈچ كۆرسىتىپ ئانچە-مۇنچە ئوق ئېتىشتى. ئەمەلىي جەڭ بولمىدى. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە مۇشرىكلار قوشۇنىدىن ئىككى كىشى، يەنى مىقداد ئىبنى ئەمرى بوھرانى بىلەن ئۇتبە ئىبنى غەزۋان مازىنىيلار مۇسۇلمانلار سېپىگە قوشۇلۇۋالدى. ئۇلار خېلى بۇرۇنلا مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇلار مۇشرىكلار بىلەن بىللە مۇسۇلمانلار تەرەپكە ئۆتۈۋېلىش ئامالىنى ئىزلەپ چىققانىدى. ئۇبەيدىنىڭ ئەلىمىمۇ ئاق رەڭلىك بولۇپ، ئۇنى مىستەھ ئىبنى ئۇساسە (مۇتەللىپ جەمەتىدىن) كۆتۈرگەن.

3. خەرار قوشۇنى. ھىجىرىيىنىڭ 1- يىلى زۇلقەئدە (11- ئاي) (مىلادىيە 623- يىلى 5- ئاي) ئېيىدا رەسۇلۇللاھ سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس باشچىلىقىدا 20 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنىنى قۇرەيشلەرنىڭ بىر كارۋىنىنى توسۇشقا ئەۋەتتى ۋە سەئەدكە خەراردىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكنى ئالاھىدە تاپىلىدى.

قوشۇن ئۇلاغلىق ۋە پىيادىلىك يولغا چىقىپ كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ، كېچىسى يول يۈرۈپ بەشىنچى كۈنى سەھەردە خەرارغا يېتىپ باردى. ئۇلار ئەتىسى ئەتىگىنى كارۋاننىڭ بۇ يەردىن ئالدىنقى كۈنى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. سەئەدنىڭ ئەلىمىمۇ ئاق رەڭدە بولۇپ مىقداد ئىبنى ئەمرى كۆتۈرگەنىدى.

4. ئەبۋائ ياكى ۋەددان غازىتى. ھىجىرىيىنىڭ 2- يىلى سەپەر (2- ئاي) (مىلادىيە 623- يىلى ئاۋغۇست) ئېيىدا رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە ئۆز ئورنىغا سەئەد ئىبنى ئۇبادىنى قالدۇرۇپ مەخسۇس مۇھاجىرلاردىن تەشكىللەنگەن. 70 كىشىلىك قوشۇن بىلەن قۇرەيشلەرنىڭ بىر كارۋىنىنى توسۇش ئۈچۈن چىقتى. ھەتتا ۋەددان دېگەن يەرگىچە باردى. بۇ قېتىممۇ ئۇرۇش بولمىدى.

بۇ غازاتتا رەسۇلۇللاھ ئەمرى ئىبنى مەخشى ئەلزەمەرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئەمرى شۇ چاغدا بەنى زەمرە قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىدى. كېلىشىمنامىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

«بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ بەنى زەمرە خەلقىگە يېزىپ بەرگەن پۈتۈكنامىسىدۇر، بەنى زەمرە خەلقى ئاللاھنىڭ دىنىغا قارشى ھەرىكەت قىلمىسىلا، سۇپە دېڭىزى ئېقىپ تۇرسىلا، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكى ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. دۈشمىنىگە قارشى ياردەم بېرىلىدۇ ۋە پەيغەمبەر (ئەلەيـھىسسالام)مۇ ئۇلارنى ياردەمگە چاقىرسا، ئۇلار چاقىرىققا ئاۋاز قوشىدۇ، ۋەسسالام».

مانا بۇ رەسۇلۇللاھ ئېلىپ بارغان تۇنجى غازات بولۇپ، مەدىنىدىن يولغا چىقىپ 15- كۈنى قايتىپ كەلگەن. ئەلەمنىڭ رەڭگى يەنىلا ئاق بولۇپ ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ كۆتۈرگەنىدى.

5. بەۋات غازىتى. ھىجىرىيىنىڭ 2- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل (3- ئاي) (مىلادىيە 623- يىلى 9- ئاي) ئېيىدا رەسۇلۇللاھ ساھابىلەردىن 200 كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ قۇرەيشلەرنىڭ بىر كارۋىنىنى توسۇش ئۈچۈن چىقتى. كارۋاندا ئۇمەييە ئىبنى خەلەف جۇمەھى ۋە يەنە 100 دەك ئاەدم ۋە مال ھېساۋىدا 2500 تۆگە بار ئىدى.

رەسۇلۇللاھ قوشۇن بىلەن رىزۋا تەۋەلىكىدىن بەۋات دېگەن يەرگىچە يېتىپ باردى. ئەمما، ئۇلارنى ئۇچرىتالمىدى.

ئۇ بۇ قېتىم مەدىنىدە ئۆز ئورنىغا سەئەد ئىبنى مەئازنى قالدۇردى ۋە ئاق رەڭلىك ئەلەمنى سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاسقا تۇتقۇزغانىدى.

6. سەفۋان غازىتى. ھىجىرىيىنىڭ 2- يىلى (رەبىئۇلئەۋۋەلدە) (مىلادىيە 623- يىلى 9- ئاي) كورز ئىبنى جابىرىلفىھرى مۇشرىكلاردىن بىر قانچە قاراقچى بىلەن مەدىنە يايلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ بىر بۆلۈك چارۋا ۋە قوي تۆگىلەرنى بۇلاپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ساھابىلەردىن 70 كىشى بىلەن ئۇنى قوغلاشقا ئاتلاندى. ھەتتا بەدرى تەۋەلىكىدىن سەفۋان دېگەن يەرگىچە قوغلاپ باردى. لېكىن، ئۇ كورز ۋە ئۇنىڭ ئادملىرىنى قولغا چۈشۈرەلمەي قايتىپ كەلدى. بۇ غازات بىرىنچى بەدرى غازىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى غازاتتا مەدىنىدە ئۆز ئورنىغا زەيد ئىبنى ھارىسنى قالدۇرۇپ قويدى ۋە ئەلەمنىڭ رەڭگى ئاق بولۇپ، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپقا تۇتقۇزغانىدى.

7. ئۇشەيرە غازىتى. شۇ يىلى جەمادىيەلئەۋۋەل ياكى جەمادىيەلئۇخرا (5- ياكى 6- ئاي) (مىلادىيە 623- يىلى 11- ياكى 12- ئاي) ئېيىدا رەسۇلۇللاھ مۇھاجىرلاردىن تەشكىللەنگەن 150 كىشى (200 ئىدى دەپمۇ قارىلىدۇ) بىلەن 30 تۆگىگە نۆۋەتلىشىپ مىنىپ، قۇرەيشلەرنىڭ شامغا ماڭغان بىر كارۋىنىنى توسۇشقا ئاتلاندى. چىقىش ياكى چىقماسلىقنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىختىيارىغا قويدى (رەسۇلۇللاھ كارۋاننىڭ نۇرغۇن ماللارنى ئېلىپ مەككىدىن يولغا چىققانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغانىدى. شۇڭا، ئۇ جىددىي يول يۈرۈپ زىلئۇشەيرە دېگەن يەرگە يېتىپ باردى، لېكىن كارۋاننىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بۇ يەردىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. مانا بۇ كارۋان كېيىن شامدىن قايتىپ كېلىشتە رەسۇلۇللاھ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن چىقىپ چوڭ بەدرى غازىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كارۋاندۇر. ئىبنى ئىسھاقنڭ رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ جەمادىيەلئۇلانىڭ ئاخىرلىرى يولغا چىقىپ جەمادىيەلئۇخرانىڭ باشلىرى قايتىپ كەلگەن دىيىلىدۇ. ئېھتىمال، بۇ تارىخشۇناسلارنىڭ مۇشۇ غازاتنىڭ ۋاقتىنى بېكېتىشتىكى قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى بولسا كېرەك،

بۇ غازاتتا رەسۇلۇللاھ بەنى مۇدلىج قەبىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان بەنى زەمزە قەبىلىلىرى بىلەن ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ئۆز ئورنىغا مەدىنىدە ئەبۇ سەلىمە ئىبنى ئابدۇلئەسەدنى قالدۇرغانىدى.

بۇ غازاتتىكى ئەلەممۇ ئاق رەڭلىك بولۇپ، ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ كۆتۈرگەنىدى.

8. نەخلە قوشۇنى. ھىجىرىيىنىڭ 2- يىلى رەجەپ (7-ئاي) (مىلادىيە 624- يىلى 1-ئايغا توغرا كېلىدۇ) ئېيىدا رەسۇلۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى جەھشنى مۇھاجىرلاردىن 12 كىشى بىلەن نەخلە دېگەن جايغا ئەۋەتتى. ئۇلار ھەر ئىككى كىشى بىر تۆگىگە نۆۋەتلىشىپ مىنىپ ماڭدى.

رەسۇلۇللاھ ئابدۇللاھقا بىر پارچە خەت يېزىپ تۇتقۇزۇپ، ساق ئىككى كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئېچىپ كۆرۈپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشكە بۇيرىغانىدى. ئابدۇللاھ ئاتلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن خەتنى ئېچىپ ئوقۇدى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «بۇ خېتىمنى ئوقۇغان بولسىڭىز، سىز يەنە توختىماي مېڭىپ، تائىف بىلەن مەككە ئوتتۇرىسىدىكى نەخلە دېگەن يەرگە بېرىپ چۈشۈڭ، ئۇ يەردە قۇرەيشلەرنىڭ كارۋىنىنى كۆزىتىڭ ۋە بىزگە بۇ توغرىلىق مەلۇمات يەتكۈزۈڭ، ۋەسسالام». ئابدۇللاھ خەتنى ئوقۇپ: «بولىدۇ، پەرمانبەردارمىز»، دېدى ۋە ھەمراھلىرىغا رەسۇلۇللاھنىڭ پەرمانىنى ئۇقتۇرۇپ: «ئەمما، مەن چوقۇم بارىمەن، بىراق سىلەرنى مەجبۇرلىمايمەن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بارىدىغان بولدى. لېكىن، يول داۋامىدا سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس بىلەن ئۇتبە ئىبنى غەزۋانلار نۆۋەتلىشىپ مىنگەن تۆگىسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ، ئىككىيلەن ئاشۇ تۆگىنى ئىزلەپ قوشۇندىن كېچىكىپ ئايرىلىپ قالدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى جەھىش ھەمراھلىرى بىلەن توختىماي يول يۈرۈپ ئاخىر نەخلە دېگەن جايغا كېلىپ چۈشتى. شۇ ئەسنادا بۇ يەردىن قۇرەيشلەرنىڭ قۇرۇق ئۈزۈم، ئاشلىق ۋە تىجارەت ماللىرى قاچىلانغان بىر كارۋىنى ئۆتتى. كارۋاندا ئەمرى ئىبنى ئەلھەزرەمى، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغىيرەنىڭ ئىككى ئوغلى ئوسمان ۋە نەۋفەل ۋە بەنى مۇغىيرە جەمەتىنىڭ خىزمەتچى قۇلى ھەكەم ئىبنى كەيسانلار بار ئىدى. مۇسۇلمانلار مەسلىھەتلىشىپ مۇنداق دىيىشتى: «بۈگۈن رەجەپ (ھارام) ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى. ئۇلارغا تېگىش قىلساق ھارام ئاينىڭ ھۆرمىتىنى بۇزغان بولىمىز، ئەگەر قويۇۋەتسەك، ئۇلار بۈگۈن كېچە ھەرەم زېمىنىغا كىرىۋالىدۇ». ئۇلار شۇنداق دېيىشىپ، ئاخىرى قول سېلىش قارارىغا كەلدى-دە، بىرسى ئوقيا بىلەن ئەمرى ئىبنى ھەرزىمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ۋە ئوسمان بىلەن ھەكەمنى ئەسىر ئالدى. نەۋفەل قېچىپ كەتتى. ئاندىن كارۋاندىكى بارلىق مال-مۈلۈك ۋە ئىككى ئەسىرنى ھەيدەپ مەدىنىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار بۇ غەنىمەتتىن بەشتىن بىرىنى ئايرىشتى. بۇ ئىسلام دىنى پارلىغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم بەشتىن بىرى ئايرىلغان غەنىمەت، تۇنجى ئۆلتۈرۈلگەن مەقتۇل ۋە تۇنجى ئەسىر ئېلىنغان ئەسىرلەر بولۇپ قالدى.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام قوشۇننىڭ بۇ تەرىقىدە ھەرىكەت قوللانغانلىقىدىن نارازى بولدى ۋە: «مەن سىلەرنى ھارام ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرىمىغان ئىدىمغۇ؟» دەپ كايىدى ۋە ئېلىپ كېلىنگەن مال ۋە ئەسىرلەرنى تەسەررۇپ قىلىشتىن توختىتىپ قويدى.

مۇشرىكلار بۇ ۋەقەدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنى: «خۇدا ھارام قىلغان ئاي كۈنلەرنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلدى»، دەپ جامائەت پىكرى توپلاشقا بىر ئوبدان پۇرسەت تاپتى ۋە بۇ ھەقتە ھەر خىل سۆز-چۆچەكلەرنى تارقاتتى. ئاخىر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ۋەھىي نازىل بولۇپ، مۇشرىكلارنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار سادىر قىلغان سەۋەنلىككە قارىغاندا، خاراكتېرى ئېغىر، ئاقىۋىتى يامان قىلمىش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھېلىقى پىتنە-ئىغۋا ئۆسەك سۆزلەرگە كەسكىن رەددىيە بەردى:

﴿يسېلونك ىن الشھر الچرام قتال فيھ ط قل قتال فيھ كبير ط ىن سبيل اللھ و كفر بھ والمسجد الچرام ق و اخرج اھلھ منھ اكبر ىند اللھ ج والفتنە اكبر من القتل…﴾ «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: «ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ، دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى، بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، مەسجىدى ھەرامدا (ئىبادەت قىلىشتىن) توسۇش ۋە مەسجىدى ھەرامدىكى ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، پىتنە (يەنى مۇئمىنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر…». («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 217- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

بۇ ئايەت مۇشرىكلار ئىسلام قوشۇنىنىڭ ھەربىي ئىستىلى ھەققىدە تارقاتقان ھەر خىل پىتنە-پاساد ئىغۋالىرىنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. چۈنكى، ئاشۇ مۇقەددەس ھارام (قىلىنغان) ئايلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى مۇشرىكلارنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى كۈرەش قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى خالىغانچە ئازابلاپ قىيناشلىرى بىلەن ئاللىقاچان دەپسەندە قىلىنىپ بولغانىدى.

ئۇلار مۇسۇلمانلار ئاشۇ ھارام قىلىنغان مۇقەددەس ئاي-كۈنلەردە ۋە مەككە زېمىندا تۇرۇۋاتقان چاغدىلا مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى تالان-تاراج قىلىشنى ۋە پەيغەمبىرىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قارار قىلمىدىمۇ؟ بۇ ھەرەمنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولماي نېمە؟ ئەجەبا ئەمدى بىردىنلا ئۇ ھارام (قىلىنغان زېمىن ۋە ئاي)لارنىڭ ھۆرمىتى ۋە مۇقەددەس ئىززەت-ئابرويى ئەسلىگە كېلىپ قاپتىغۇ؟ ئۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش ئەڭ چوڭ گۇناھ ۋە قەبىھ جىنايەت بولۇپ قاپتىغۇ؟

شەك-شۈبھىسىزكى، مۇشرىكلارنىڭ ھەدەپ كۈچەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان ھېلىقى ئىغۋالىرى تولىمۇ بىمەنىلىك ۋە يۈزسىزلىكتىن ئۆزگە ئىش ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە.

خوش… شۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ھېلىقى ئىككى ئەسىرنى قويۇۋەتتى ۋە مەقتۇلنىڭ ئىگە-چاقىلىرىغا دىيەت تۆلىمى (خۇن پۇلى)نى تۆلەپ بەردى.

مانا بۇلار بەدرى ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى قوشۇن ئەۋەتىش ھەرىكەتلىرى ۋە ئېلىپ بېرىلغان غازاتلاردۇر. ھېچقايسىسىدا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن (يىراقتىن ھەيۋە كۆرسىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشتىن باشقا) مۇشرىكلارنىڭ ماللىرىنى بۇلاپ، مۇسادىرە قىلىۋېلىش ۋە ئەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ئەسىر ئېلىش ھادىسىسى سادىر بولمىدى. نەخلە ۋەقەسى بولسا مۇشرىكلار جابىر ئىبنى فىھرى باشچىلىقىدا مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن شۇنىڭغا قارىتا ئازراق تەگكۈزۈپ قويۇش بولدى، خالاس.

دېمەك، مۇشرىكلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، نۇرغۇن قەبىھ ئەسكىلىكلەرنى قىلغاندىن سىرت، يەنە بۇ قېتىم مۇشتنى دەسلەپ ئاتقان بولغاچقا، شۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق تەدبىر قوللانماي بولمىدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى جەھىش قوشۇنىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن مۇشرىكلارنىڭ غەم ئەندىشىسى ئەمەلىي خەۋپكە ئايلاندى. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا چوڭ بىر خەتەر كۆلەڭگىسى پۇلاڭلاشقا باشلىدى ۋە ئۇلار يۈز بېرىش ئېھتىمالىدىن قورقۇپ تۇرۇۋاتقان ئىش ھەقىقەتەن يۈز بەردى. ئۇلار بۇنىڭدىن مەدىنە تەرەپمۇ ئۇخلاپ ياتمىغانلىقىنى، ئۇلارنڭ ئىنتايىن سەگەكلىك بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەت، تىۋىشلىرىنى تويۇپ تۇرغانلىقىنى، ۋە تەخمىنەن 300 كىلومېتىردەك يەرگىچە باستۇرۇپ كېلىپ ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، يەنە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتەلىگۈدەك دەرىجىدە جاسارەتكە ئىگە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىۋېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ شام بىلەن بولىدىغان سودا-تىجارىتىنىڭ داۋاملىق خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈۋېىلشتى. لېكىن، ئۇلار مۇغەمبەر، مۇشتۇمزورلىقتىن ھۇشىنى يىغىپ (جوھەينە ۋە بەنى زەمرە قەبىلىلىرىدەك) تىنچ ئىتتىپاق ياكى ئۆزئارا ئېتىراپ قېلىش ئاساسىدا يول تۇتمىدى. بەلكى، تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت ئوتىدا تولغىنىشقا باشلىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ كاتتىۋاش ئەمەلدارلىرى بۇرۇن مۇسۇلمانلارنى «ئۆز مەھەللىسىگە بېرىپ قىرىپ تاشلايمىز»، دېگەن تەھدىت شوئارىنى ئەمدىلىكتە ئەمەلىيەتتە ئورۇنداش قارارىغا كېلىشتى. مانا بۇ كۆرەڭلىك ئۇلارنى ئاخىر بەدرىگە سۆرەپ چىققانىدى.

ئەمما، ئابدۇللاھ ئىبنى جەھىش قوشۇنى ۋەقەسىدىن كېيىن يەنى ھىجىرىيىنىڭ 2- يىلى رامىزان (9- ئاي) ئېيىدا ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا جىھاد قىلىشنى پەرز قىلىپ بېكىتتى ۋە مۇشۇ ھەقتە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدى: ﴿قاتلوا فۈ سبيل اللھ الۇين يقاتلونكم ولا تىدوا ان اللھ لا يچب المىتدين واقتلوھم چيڭ ڭقفتموھم والفتنە اشھد من القتل و لا تقاتلوھم ىند المسجد الچرام چتۈ يقاتلواكم فيھ فان قاتلوكم فاقتموھم كۇالك جزاء الكافرين فان انتھوا فان اللھ غفور رچيم و قاتلوھم چتۈ لا تكون فتنە و يكون الدين اللھ فان انتھو فلاىدو ان الاىلۈ الئالمين﴾ «سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ. ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) ئۇلار ھەرەمدە بولسۇن، باشقا يەردە بولسۇن، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا بولسۇن) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن (يەنى مەككىدىن) چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرمۇ ئۇلارنى يۇرتىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغۇچە مەسجىدى ھەرام ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرام ئەتراپىدا) ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، كافىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا (سىلەرمۇ ئۇرۇشتىن قول يىغىڭلار)، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر، تاكى زىيانكەشلىك تۆگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ».(«قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 190-193-ئايەت)

بۇ ئايەتلەر نازىل بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاللاھ يەنە باشقىچە ئۇسلۇبتا ئايەت نازىل قىلىپ، جىھاد قىلىش يوللىرىنى ئۆگەتتى ۋە ۋە جىھادقا تەرغىپ قىلدى ھەمدە جىھادقا ئائىت بەزى ئەھكاملارنى بايان قىلدى. ئېيتتىكى: ﴿فاۇا لقيتم الۇين كفروا فگرب القاب ط چتۈ اۇا اڭخنتموھم فشدوا الوڭاق لا فامّا منا بىد و اما فداء چتۈ تگى الچرب اوزارھا ج ۇالك ولو يشاء اللھ لانتپر منھم لا ولاكن ليبلوا بىگكم ببىگ ط والۇين قتلوا فۈ سبيل اللھ فلن يگل اىمالھم○ سيھديھم ويپلھ بالھم و يدخلھم الجنە ىرفھالھم○ يايھاالۇين امنوا ان تنپروا اللھ ينپروكم و يڭبت اقدامكم﴾ «سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ)، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار، ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە، (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمىر قىلدى)، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارغا تونۇتتى (يەنى جەننەتكە كىرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى جايىنى ئىلگىرى كۆرگەندەكلا بىلىدۇ). ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ». («قۇرئا كەرىم» 47- سۈرە 4 — 7- ئايەتلەر)

شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئۇرۇش پەرمانىنى ئاڭلىسا، قورقۇپ، يۈرىكى ئېغىپ، رەڭگى-روھى تاتىرىپ كېتىدىغان قورقۇنچاق، ناتاۋان يارىماسلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: ﴿و يقول الۇين امنوا لولا نزلت سورە ج فاۇا انزلت سورە مچكمە وۇكر فيھا القتال لا رايت الۇين في قلوبھم مرگ ينئرون اليك نئر المغشۈ ىليھ من الموت ط فاولۈ لھم طاىە و قول مىروف قف فاۇا ىزم الامر قف فلو پدقوا اللھ لكان خيرا لھم﴾ «مۇئمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): ‹نېمىشقا (جىھادقا ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟› دەيدۇ. جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)نىڭ ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى». («قۇرئان كەرىم» 47- سۈرە 20-، 21- ئايەت)

جىھادنىڭ پەرز قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا تەرغىپ قىلىش ھەمدە جىھاد قىلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە تەييارلىق كۆرۈشكە پەرمان چۈشۈرۈش ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسى ئىدى. ناۋادا شۇ چاغدا ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان ئادەتتىكى بىر ھەربىي قوماندان مەسئۇل بولۇۋاتقان ئىش بولسىمۇ، ئاشۇمۇ ئەلۋەتتە قوشۇننى دەرھال تەرتىپكە سېلىپ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرگە قارىتا تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرەر ئىدى، ئەلۋەتتە. مانا ھازىر ۋەزىيەت ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشنى تەقەززا قىلىۋاتقان پەيتتە ھەممىنى بىلگۈچى، بۈيۈك پەرۋەردىگار تائالا قانداقمۇ جىھادقا پەرمان چۈشۈرمەي قالسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇللاھ ئىبنى جەھىش قوشۇنى ۋەقەسى مۇشرىكلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زەردىسىنى قاينىتىۋاتقان ۋە ئۇلارنى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك دەرد ئەلەم چوغلىرىغا دەسسىتىپ قويغان تۇرسا؟!

زۇلۇمغا قارشى ئۇرۇش قىلىش پەرمانى بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ جەرياندىن قارىغاندا، قانلىق ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى ناھايىتى يېقىن قالغانلىقىدىن، نۇسرەت ۋە غەلبىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئالايلى ئاللاھ مۇشرىكلار مۇسۇلمانلارنى نەدىن قوغلاپ چىقارغان بولسا مۇسۇلمانلارمۇ مۇشرىكلارنى شۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈۋاتىدۇ ۋە ئۇلارغا غالىب قوشۇننىڭ ئەسىرلەر ھەققىدە زۆرۈر بىلىشكە تېگىشلىك ئەھكاملىرىنى، شۇنداقلا تاكى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر رەھىمدىللىك قىلماي چېپىپ، ئۆلتۈرۈپ قاتتىق قول بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەلىم بېرىۋاتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى ھېسابتا مۇسۇلمانلارنىڭ ھامان غالىب كېلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئەلۋەتتە، لېكىن بۇنىڭ يېپىق ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھەممە ئادەم ئاللاھ يولىدا قولدىن كېلىشىچە كۈچ چىقارسۇن ۋە تېگىشلىك جاسارىتىنى كۆرسەتسۇن ئۈچۈن ئىدى.

دەل مۇشۇ كۈنلەردە (يەنى ھىجىرىيىنىڭ 2- يىلى شەئباندا) (مىلادىيە 624- يىلى 2- ئايلاردا) ئاللاھ مەسجىدۇننەبەۋىينىڭ قىبلىسىنى بەيتۇلمۇقەددەس تەرەپتىن مەسجىد ھەرەم (كەئىبە) تەرەپكە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار سېپىگە مالىمانچىلىق ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش مەقسىتىدە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ئىمانى ئاجىزلار ۋە يەھۇدىي مۇناپىقلار مۇسۇلمانلار سېپىدىن ئايرىلىپ ئەسلى نەسلىگە قايتتى. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەربىي سەپلىرى نۇرغۇنلىغان ئالدامچى خىيانەتكار كۈشەندىلەردىن تازىلاندى.

قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى مۇسۇلمانلار تاكى مۇشۇ يېڭى قىبلىنى ئىشغال قىلغانغا قەدەر، داۋاملىشىدىغان يېڭى بىر دەۋر باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئالايلى بىر قەۋمنىڭ قىبلىسى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدا قالسا، ئۇنى كۇفرى چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرماسلىق شۇ قەۋم ئۈچۈن ئۆچمەس ئار-نومۇس ئەمەسمۇ؟ ئۇنى ھامان بىر كۈنى قۇتۇلدۇرماي بولامدۇ؟

مانا بۇ بىشارەت ۋە ئىشارەتلەر ۋە ئەمىر-پەرمان بۇيرۇقلارنىڭ تۈرتكىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى ئاشتى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە ھەل قىلغۇچ جەڭلەردە دۈشمەن بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى.

چوڭ بەدرى غازىتى — ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ھەل قىلغۇچ جەڭ مەيدانى

غازاتنىڭ سەۋەبى

ئالدىنقى باپتا ئۇشەيرە غازىتى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، مەككىدىن شامغا كېتىۋاتقان قۇرەيش كارۋىنى پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالامنىڭ قولىغا چۈشمەي قېچىپ قۇتۇلۇۋالغان، دېگەنىدۇق. بۇ كارۋاننىڭ شامدىن مەككىگە قايتىش ۋاقتى يېقىنلاپ كەلگەندە رەسۇلۇللاھ شىمال تەرەپكە تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ بىلەن سەئىد ئىبنى زەيدنى كارۋاننىڭ خەۋىرىنى ئېلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ھۇرائ دېگەن يەرگىچە بېرىپ كارۋاننىڭ يولىنى كۈزىتىپ تۇردى. ، بىر چاغدا ئەبۇ سۇفيان كارۋاننى باشلاپ، شام تەرەپتىن كىرىپ كېلىۋىدى، ئۇلار ئۇچقاندەك يول يۈرۈپ، مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.

كارۋان مەككىلىكلەرنىڭ مىڭ تۆگىگە قاچىلانغان زور مىقداردىكى مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۇمۇمىي قىممىتى كەم دېگەندە، 50 مىڭ دىنار ئالتۇندىن ئاشاتتى. كارۋاندا پەقەت 40 تەك ئادەم بىللە ئىدى.

بۇ مەدىنە تەرەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالتۇن پۇرسەت، مۇشرىكلار ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇشۇ مالنى قولدىن بېرىپ قويسا ھەربىي ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرىغانلىق ھېسابلىناتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى چاقىرىق قىلىپ: «ئى خالايىق! مانا بۇ قۇرەيش كارۋىنى جىمى مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كەپتۇ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىڭلار، ئۈمىدكى، ئاللاھ ئۇنى سىلەرگە ئىلتىپات قىلىۋەتسە ئەجەپ ئەمەس»، دېدى.

رەسۇلۇللاھ بۇ چاقىرىقنى ئېلان قىلغان چاغدا بەدرىدە (كارۋاننىڭ بەدىلىگە) قۇرەيش قوشۇنى بىلەن بۇنچە قاتتىق تۇتۇشۇپ قالارىنى ئويلىمىغانىدى. شۇڭا، ئۇ ھېچ كىشىنى چىقىشقا زورلىمىدى. بەلكى، چىقىش-چىقماسلىق ئىشىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىن ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى. شۇنداق بولغاچقا، ساھابە كىراملارنىڭ كۆپىنچىسى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ قېتىمقى يۈرۈشىنى ئالدىنقى قېتىمدىكى يۈرۈشلەردىن پەرقلەنمەيدۇ، دەپ قاراپ مەدىنىدە قېپقالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىشى بۇ غازاتقا قاتناشمىدى، دەپ ئەيىبلەنمىدى.

شش

رەسۇلۇللاھ مەدىنىدىن يولغا چىقتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن (313 ياكى 314 ۋە ياكى 319) كىشى بىرگە ئاتلانغانىدى. 82 ياكى 83 ۋە ياكى 86سى مۇھاجىرلاردىن، 61سى ئەۋس قەبىلىسىدىن ۋە 170ى خەزرەج قەبىلىسىدىن ئىدى. مۇسۇلمانلار بۇ قېتىمقى يۈرۈشكە ئانچە چوڭ ھەشەم قىلىپ كەتمىدى. شۇڭا، ئۇلاردا پەقەت ئىككىلا ئات بار ئىدى. بىرى زۇبەير ئىبنى ئەۋامنىڭ، يەنە بىرى مىقداد ئىبنى ئەسۋەد كىندىنىڭ ئىدى ۋە يەنە 70 تۆگە بار بولۇپ، ئىككى، ئۈچ ئادەم بىر تۆگىگە نۆۋەتلىشىپ مىنىشەتتى. رەسۇلۇللاھ، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ ۋە مىرسەد ئىبنى مىرسەد غەنەۋىلەر بىلەن بىر تۆگىنى نۆۋەتلىشىپ مىندى.

مەدىنىدە ئۆز ئورنىغا ۋە ناماز ئوقۇپ بېرىشكە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنى قالدۇردى. رەسۇلۇللاھ ئاتلىنىپ رەۋھا دېگەن يەرگە چىققاندا، ئەبۇلۇبابە ئىبنى ئابدۇلمۇنزىرنى قايتۇرۇپ ئۆز ئورنىدا مەدىنىدە ئىش باشقۇرۇشقا بەلگىلىدى.

باش قوماندانلىق ئەلىمىنى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير (قۇرەيش قەبىلىسى ئابدۇددار جەمەتىدىن) گە تۇتقۇزدى. ئەلەم ئاق رەڭدە ئىدى. قوشۇننى ئىككى «قىسىم»غا بۆلدى:

1. مۇھاجىرلار قىسمى. ئۇنىڭ ئەلىمىنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا تۇتقۇزدى.

2. ئەنسارلار قىسمى. ئۇنىڭ ئەلىمىنى سەئەد ئىبنى مەئازغا تۇتقۇزدى.

قوشۇننىڭ ئوڭ قانات رەھبەرلىكىگە زۇبەير ئىبنى ئاۋامنى، سول قانات رەھبەرلىكىگە مىقداد ئىبنى ئەسۋەدنى مەسئۇل قىلدى (چۈنكى بۇلار يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك قوشۇندىكى بىردىنبىر ئاتلىقلار ئىدى). ئارقا سەپ مۇداپىئەسىگە قەيس ئىبنى ئەبۇ سەئسەئەنى بەلگىلىدى ۋە رەسۇلۇللاھ ئارمىيىنىڭ ئالىي باش قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركىزى باش قۇماندانلىق ئۇنىڭ قولىدا قالدى.

ئىسلام قوشۇنى بەدرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى

رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنىڭ تولۇق تەييارلىق قىلىۋېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرمايلا يولغا چىقتى. ئۇ مەدىنە تاغ يولى بىلەن ئاتلىنىپ، تاكى بىئرى رەۋھا دېگەن يەرگە بارغىچە مەككىگە بارىدىغان چوڭ يولنى بويلاپ جەنۇپقا قاراپ ماڭدى. بىئرى رەۋھادىن قوزغالغاندا، مەككە يولىنى سولغا تاشلاپ نازىيە تەرەپكە (ئوڭغا) بۇرۇلۇپ (بەدرىگە قاراپ) نازىينىڭ بىر چېتىدىن يول ئالدى ۋە نازىيە بىلەن سەپرا جىلغىسى دېگەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەھقان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ۋادىنى كېسىپ ئۆتتى. ئاندىن بىر تار جىلغىدىن ئۆتۈپ تۆۋەنگە قاراپ مېڭىپ، سەپرا دېگەن يەرگە يېقىنلاشتى ۋە مۇشۇ يەردە توختاپ بۇسەيس ئىبنى ئەمرىلجوھەنى بىلەن ئەدىي ئىبنى زەغبا ئۇلجوھەننىنى بەدرى كەنتىگە كارۋاننىڭ ئەھۋالىنى مەخپىي رازۋىت قىلىشقا ئەۋەتتى.

مەككىدە جاكارچى

ئەمما، كارۋاننىڭ ئەھۋالى مۇنداق بولدى. ئەبۇ سۇفيان بۇ كارۋاننىڭ باش مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن پەخەس ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن يول تۇتتى. ئۇ مەككە-شام يولىنىڭ خەۋپ-خەتەردىن خالىي ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە، كارۋاننىڭ ئالدىدا پايلاقچى ۋە خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ ئەھۋال ئىگەللەپ ماڭدى ۋە ئۆتكەن-كەچكەن يولۇچىلاردىن سوراپ تۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ پايلاقچىلىرى: «مۇھەممەد كارۋانغا تېگىش قىلىش ئۈچۈن ئادەملىرىنى باشلاپ چىقىپتۇ»، دېگەن ئاخباراتنى يەتكۈزدى. بۇ چاغدا ئەبۇ سۇفيان زەمزەم ئىبنى ئەمرىلغىفارىنى سېتىۋېلىپ، مەككىگە قۇرەيشلەر كارۋاندىكى ماللىرىنى ۋە ئادەملىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر چىقىرىشقا چاقىرىق قىلغىلى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن زەمزەم ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە يول يۈرۈپ ئاخىر مەككىگە يېتىپ كەلدى ۋە بەتنى ۋادىي دېگەن يەردە توختاپ، تۆگىسىنىڭ بۇرنىنى كېسىپ، توقۇمىنى تەتۈر ئۆرۈپ، ئۈستىدىكى كىيىمىنى يىرتىپ تاشلاپ (بۇنداق قىلىش خەۋەر قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ جىددىيلىكىنى بىلدۈرەتتى). تۆگىدىن چۈشمەي تۇرۇپ ئاللا توۋا چاقىرغىلى تۇردى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «ئاھ … ئىسىت، ۋاي ئىست…، مېلىڭلارغا مۇھەممەدنىڭ ئادەملىرى قول سالدى، ئۈلگۈرەلەمسىلەر يوق، بىلمەيمەن، ئەلمەدەت…، ئەلمەدەت، ۋاي… ئىسىت، ۋاي … ئىست».

مەككىلىكلەر قايتۇرما ھۇجۇمغا تەييارلاندى

مەككىلىكلەر چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەتكە كەلدى. كوچىلار ناھايىتى جىددىي كۆرۈنەتتى ۋە ئۆزئارا مۇنداق دېيىشەتتى: «مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇنى (يەنى كارىۋاننى) ئەمرى ئىبنى ھەزرەمىينىڭ كارۋىنىدىكىدەك ئىش بولار دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئىش يوق. ئەزبىرايى خۇدا، بىز ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنى بىر تونۇتۇپ قويمىساق…» شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ئۆيدە ئىككى ئەر بولسا، چوقۇم ھەر ئىككىلىسى ئاتلاندى ۋە ياكى ئىككىنىڭ بىرسى ئاتىلىنىپ، يەنە بىرى ئورنىغا ئادەم ياللاپ ئەۋەتتى. كىشىلەرنىڭ چىقىش-چىقماسلىق ئىختىيارى بولمىدى. ھەممە ئادەمنىڭ چوقۇم ئاتلىنىشى تەلەپ قىلىندى. شۇڭا، مەككە مۆتىۋەرلىرىدىن ئەبۇ لەھەبتىن باشقا بىرمۇ ئادەم ئايرىلىپ قالالمىدى. ئەبۇ لەھەب زىممىسىدە قەرزى بار بىر كىشىنى قەرزىنى كۆتۈرۈۋېتىش شەرتى بىلەن ئۆز ئورنىغا سەپلەپ چىقارتتى. مەككىلىكلەر ئۆز ئەتراپىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىمۇ سەپەرۋەر قىلغانىدى. ئۇلاردىنمۇ قۇرەيش جەمەتىگە تەۋە بىرمۇ قەبىلە ۋە ياكى ئايماق ئايرىلىپ قالالمىدى. پەقەت بەنى ئەدىي جەمەتىلا ئادەم قاتناشتۇرمىدى.

مەككە قوشۇنىنىڭ ھەربىي كۈچى

بۇ قېتىم مەككە قوشۇنىنىڭ يولغا چىقىش ئالدىدىكى ھەربىي زاپاس كۈچى، 1300 كىشى ئەتراپىدا تەشكىللەندى. بۇنىڭ ئىچىدە 100 ئات، 600 ساۋۇت، سانى ئېنىق بولمىغان نۇرغۇن تۆگە تايلاقلار بار ئىدى. قوشۇننىڭ باش قوماندانى ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام بولدى، قوشۇننىڭ ئوزۇق-تۈلۈك تەمىناتىنى قۇرەيش بايلىرىدىن توققۇز كىشى ئۈستىگە ئالدى. قوشۇن بىر كۈن توققۇز تۆگە يەنە بىر كۈن ئون تۆگە سويۇپ ئوزۇقلىنىپ ماڭاتتى.

بەنى بەكرى قەبىلىلىرىنىڭ خەۋپى

قوشۇن يولغا چىقىش ئالدىدا، قۇرەيش بىلەن بەنى بەكرى قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى كونا ئاداۋەت ۋە ھەربىي سۈركىلىشلەر تىلغا ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قەبىلىلەر ئارقا تەرەپتىن زەربە بەرسە قۇرەيش ئىككى تاشنىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلىپ چوڭ تالاپەتكە يولۇقۇشتىن قورقۇپ، ئىرادىسىدىن يېنىۋالماقچى بولۇشتى. لېكىن، بۇ چاغدا، ئىبلىس مەلئۇن سۇراقە ئىبنى مالىك جۇئشۇمىنىڭ سىياقىدا پەيدا بولۇپ كېلىپ: «مەن سىلەرگە بەنى كەنانە قەبىلىسى (بەنى بەكرى بەنى كەنانەنىڭ بىر ئايمىقى)نىڭ ھەر قانداق يامانلىقىدىن باشپاناھ بولىمەن»، دەپ ئۇلارنى يول ئۈستىدىكى كۈتۈلمىگەن دۈشمەندىن خاتىرجەم قىلدى.

مەككە قوشۇنى يولغا چىقتى

قۇرەيش دائىرىلىرى شەيتاننىڭ ۋەدىسى بىلەن كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزغاندىن كېيىن، ئاللاھ تەسۋىرلەپ ئېيتقىنىدەك: «تەكەببۇرانە، كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش مەقسىتىدە»، مەككىدىن يولغا چىقتى ۋە رەسۇلۇللاھ ئېيتقىنىدەك: «ئۇلار ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى غەزەپ-نەپرىتى ۋە تۆمۈر-قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى ‹چوقۇم توسۇش مەقسىتىدە، رەسۇلۇللاھنىڭ قول سېلىشقا جۈرئەت قىلغىنىدىن قاتتىق چۆچىگەن ۋە چېكىدىن ئاشقان غەزەپ نەپرىتى بىلەن مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى.

ئۇلار شىمال تەرەپتە بەدرىگە قاراپ ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن قەدەم بېسىۋاتاتتى. يول يۈرۈپ، ۋادى ئوسۈپان، قەدىيد، ئاندىن جۇھفەلەرنى بېسىپ ئۆتتى ۋە جۇھفەگە بارغاندا ئەبۇ سۇفياننىڭ ئۇلارغا يېڭىدىن يوللىغان مۇنداق بىر ئاخباراتىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئاخباراتتا: «سىلەر كارۋاندىكى ئادەم ۋە مال-مۈلۈكلەرنى قوغداش ئۈچۈن چىققان ئىكەنسىلەر، ئاللاھ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىدى، شۇڭا قايتىڭلار، ۋەسسالام»، دېيىلگەنىدى.

كارۋان قېچىپ كەتتى

كارۋاننىڭ قۇتۇلۇپ قېلىش جەريانى مۇنداق بولدى: ئەبۇ سۇفيان (مەككە-شام) چوڭ يولىدا جەنۇپقا قاراپ ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن قەدەم بېسىۋاتاتتى. ئۇ ئالدىن كۆزىتىش ۋە ئاخبارات يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى ھەسسىلەپ جىددىيلەشتۈرگەنىدى. ئۇ بەدرىگە يېقىنلاپ كەلگەندە ئۆزى بىۋاستە كارۋاندىن ئېشىپ كېلىپ مەجدى ئىبنى ئەمرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭدىن مەدىنە تەرەپ توغرىلىق گەپ سورىدى. مەجدى ئۇنىڭغا: «مەن غەيرى ئەھۋال سەزمىدىم، بىراق ئۇلاغلىق ئىككى كىشى كېلىپ ئاۋۇ دۆۋىنىڭ كەينىگە تۆگىلىرىنى چۆكتۈرۈپ قويۇپ، تۇلۇملىرىغا سۇ قاچىلاپ قوپۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سۇفيان دەرھال مەجدى ئىشارەت قىلغان ھېلىقى يەرگە كېلىپ ئۇ يەردىكى تۆگىنىڭ يېڭى ماياقلىرىنى قولىغا ئېلىپ ئۇۋاپ باقتى ۋە ئۇنىڭدىكى خورما ئۇرۇقچىلىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ۋە: «ئەزبىرايى خۇدا، بۇ چوقۇم يەسرەپ (مەدىنە) ھەلىپىنى يېگەن تۆگىنىڭ مايىقى»، دېدى-دە، دەرھال كارۋاننىڭ ئالدىغا قايتىپ، بەدرىدىن ئۆتىدىغان چوڭ يولدىن كارۋاننىڭ يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىپ كۈن پېتىش تەرەپكە (يەنى دېڭىز ساھىلى تەرەپكە) قايرىلىپ ماڭدى ۋە بۇ ئارقىلىق كارۋاننى مەدىنە قوشۇنىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلاپ قالدى. ھەمدە مەككە قوشۇنى جۇھفىدە تاپشۇرۇۋالغان ھېلىقى ئاخباراتنى يوللىۋەتكەنىدى.

مەككە قوشۇنىنىڭ قايتماقچى بولغانلىقى ۋە ئارىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكى

مەككە قوشۇنى ئەبۇ سۇفياننىڭ يېڭى ئاخباراتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قايتىپ كېتىش ئىرادىسىگە كەلدى. لېكىن، باش جىنايەتچى، مۇستەبىت ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ قەسەم قىلىمەنكى، بىز بەدرىگە بېرىپ ئۇ يەردە ئىككى-ئۈچ كۈن تۇرۇپ تۆگىلەرنى سويۇپ لەشكەرلەرگە زىياپەت بېرىپ ھاراق-شاراپلارنى ئېچىپ، قىز-خېنىملارنى ئوينىتىپ، پۈتۈن ئەرەبلەرگە بىزنىڭ قوشۇن تارتقانلىقىمىزنى ۋە ھەربىي كۈچ قۇۋۋىتىمىزنى كۆرسىتىپ قويماي قايتمايمىز. شۇنداق قىلغاندا ئاندىن ئۇلار بىزدىن مەڭگۈ تەپتارتىدىغان بولىدۇ» دېدى. لېكىن ئەخنەس ئىبنى شۇرەيق ئەبۇ جەھىلنىڭ گېپىگە قارىماي قايتىپ كېتىش پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالدى. نەتىجىدە ئەخنەس بەنى زۆھرە قەبىلىسىنى باشلاپ (ئۇ بەنى زۆھرە، قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقدىشى ھەمدە مۇشۇ قېتىمدىكى يۈرۈشنىڭ مەسئۇلى ئىدى) قايتىپ كەتتى. نەتىجىدە، بەدرى ئۇرۇشىغا بەنى زۆھرە قەبىلىسىدىن بىرمۇ ئادەم قاتناشمىدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ سانى 300 گە يېتەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بەنى زوھرە جەمەتى ئەخنەسنىڭ پىكىرىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۇنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان بولدى.

بەنى ھاشىم (رەسۇلۇللاھنىڭ جەمەتى) مۇ قايتماقچى بولغانىدى. ئەبۇ جەھىل ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىپ: «بىز قاچان قايتساق، بۇ تائىپىلەرمۇ شۇ چاغدا قايتىدۇ»، دەپ تۇرۇۋالدى.

شۇنىڭ بىلەن بەنى زوھرە قەبىلىسى قايتىپ كەتكەندىن كيىن مىڭدەك قوراللىق قوشۇن بەدرىنى نىشانلاپ يولغا چىقتى. ئۇلار داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاخىر بەدرىگە يېقىن جايغا (يەنى بەدرى ۋادىسىنىڭ مەدىنىگە يىراق كېلىدىغان چېگراسى بويىغا جايلاشقان دۆۋەلىكلەردىن بىر دۆۋىنىڭ كەينىگە) كېلىپ چۈشتى.

ئىسلام قوشۇنىنىڭ قىيىن ئۆتكىلى

مەدىنە قوشۇنىنىڭ ئاخباراتچىلىرى رەسۇلۇللاھقا (ئۇ ۋادى زەفران دېگەن جايدا كېتىۋاتقان چېغىدىلا) كارۋاننىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ۋە مەككىدىن زور كۆلەمدە قوشۇن تەشكىللىنىپ چىققانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يەتكۈزگەنىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالغان بۇ مەلۇماتلارنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇ قېتىم ھامان قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم جاسارەت ۋە شىجائەت بىلەن يۈرەكلىك ھالدا دادىل قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنىدى.

شەك-شۈبھىسزكى، ناۋادا رەسۇلۇللاھ بۇ قېتىم مەككە قوشۇنىنىڭ مۇشۇ ئەتراپتىكى رايونلاردا مالىيقايلاپ يۈرۈشىگە يول قويىدىغان بولسا، بۇ قۇرەيش ھەربىي كۈچى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە مەدەت بەرگەنلىك، ھەتتا ئۇنى ئاستىرتتىن قوللىغانلىق بوپقالىدۇ ھەمدە مۇسۇلمانلارنى گېپى ئۆتمەس، ئاجىز، خار ۋە بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بەلكى، تېخى بۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام ھەرىكىتى جانسىز جەسەتكە ئايلىنىپ قېلىشى ۋە مۇشۇ ئەتراپتىكى ئىسلام دىنىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمدىلىكتە، يۈرىكى تومشىپ، يامانلىققا جۈرئەت قىلىدىغان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

بۇ نام-شۆھرەت دېگەنلەرنى قويۇپ تۇرۇپ، ئەڭ مۇھىمى كۆز ئالدىمىزدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئالايلى، ناۋادا مۇسۇلمانلار بۇ قېتىم جىددىي پوزىتسىيە تۇتمىسا مەككە قوشۇنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەدىنىگە باستۇرۇپ كىرىپ قولىدا قورالنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ئاممىغا ئۇرۇش ئوتى ئاچمايدۇ ۋە مۇسۇلمان ئاھالىلەرنى ئۆز مەھەللىسىدە قىرغىن قىلمايدۇ، دەپ كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟

شۇنداق ئىكەن مەدىنە تەرەپ ئازراقلا بىخەستىلىك قىلىپ ئۆزىنى ئۇرۇشتىن قاچۇرسا، مۇسۇلمانلارنىڭ نام-شۆھرىتىگىلا ئەمەس، بەلكى مەۋجۇتلىقىغىمۇ ئېغىر خەۋپ يېتىدۇ، ئەلۋەتتە.

ھەربىي كېڭەش يىغىنى

رەسۇلۇللاھ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىۋاتقان بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ، قوشۇن ئىچىدە كېڭەيتىلگەن ھەربىي مەسلىھەت كېڭەش يىغىنى چاقىردى. يىغىندا قوشۇنغا ھازىرقى ۋەزىيەتنى تونۇشتۇردى ۋە قوشۇندىكى بارلىق جەڭچى ۋە قوماندانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. دەل مۇشۇ چاغدا ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر قورقۇپ قانلىق توقۇنۇشتىن ئەنسىرىدى. ئاللاھ بۇلار ھەققىدە: ﴿كما اخرجك ربك من بيتك بالچق و ان فريقا من المېمنين لكارھون يجادلونك في الچق بىد ما تبين كانما يساقون الي لموت وھم ينئرون﴾ «(غەنىمەت تەقسىماتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاس قىلىنغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ھەقلىق رەۋىشتە ئۆيۈڭدىن (يەنى ئۆيۈڭ جايلاشقان مەدىندىن ئۇرۇشقا) چىقارغانلىقىنى (ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقىغا ئوخشايدۇ، مۇئمىنلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشقا چىقىشنى) ئەلۋەتتە يامان كۆرىدۇ. ئۇلار گۇيا (ئالامەتلىرى) كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن ھەقىقەت (يەنى ئۇرۇشقا چىقىش مەسىلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 5- ئايەت)

ئەمما قوشۇن رەھبەرلىرىدىن ئەبۇ بەكرى سىددىق ئورنىدىن تۇرۇپ ناھايىتى ياخشى سۆز قىلدى. ئارقىدىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب تۇرۇپ ئىپادە بىلدۈردى ۋە ياخشى پىكىر بەردى. ئاندىن مىقداد ئىبنى ئەمرى ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! سەن ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماڭغىن، بىز سەن بىلەن بىللە بولىمىز، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ساڭا بەنى ئىسرائىل مۇسا ئەلەيـھىسسالامغا دېگەندەك ﴿اۇھب انت و ربك فقاتلا انا ھھنا قاىدون﴾ «سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى»، دېمەيمىز. بەلكى، «سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بېرىپ ئۇرۇش قىلغىن، بىزمۇ سەن بىلەن بىللە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىمىز»، دەيمىز. سېنى ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن بىزنى بەركولغىمادقا تارتساڭ، ئاشۇ يەرگە يەتمىگۈچە ھەرگىز توختىمايمىز»، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى»، دېدى ۋە ئۇنىڭغا خەيرلىك بىلەن دۇئا قىلدى.

بۇ ئۈچ رەھبەر مۇھاجىرلاردىن ئىدى. ھالبۇكى، مۇھاجىرلار قوشۇندا ئاز سانلىقنى ئىگەللەيتتى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەنسار رەھبەرلىرىنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ باقماقچى بولدى. چۈنكى، ئۇلار قوشۇندا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلاتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئەنسارلار بىلەن ئەقەبە كۈنى پۈتۈشكەن بەيئەت ماددىلىرىدا «ئەنسارلار رەسۇلۇللاھنى مەدىنىنىڭ سىرتىدىمۇ قوغداپ ئۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتى بار» دەپ بېكىتىلمىگەن ئىدى، ھەمدە بۇ قېتىم ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالسا، جەڭ مەيدانىنىڭ ئەڭ ئېغىر يۈكى ئاشۇلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنەتتى. شۇڭا، ئۇ بۇ ئۈچ رەھبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئەنسارلارغا قارىتىپ: «ئى خالايىق! توغرا مەسلىھەتىڭلار بولسا بېرىڭلار»، دېدى. بۇنى سەزگەن ئەنسارلار قىسمىنىڭ قوماندانى سەئەد ئىبنى مەئاز: «ئەزبىرايى خۇدا، بىزنى دېمەكچىمۇسەن ئى رەسۇلۇللاھ!» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، شۇنداق»، دېگەنىدى.

سەئەد: «بىز ساڭا ئىمان كەلتۈردۇق، سېنى راست پەيغەمبەر دەپ چىن پۇتتۇق، سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ ھەقلىقىگە گۇۋاھلىق بەردۇق ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن سۆزۈڭنى ئاڭلاشقا ۋە ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلىشقا ئەھدۇپەيمان بەردۇق. ئى رەسۇلۇللا! ئىرادەڭ بويىچە ئىش قىلغىن، سېنى ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن بىزنى مۇشۇ (قىزىل) دېڭىزغا كىرىشكە بۇيرىساڭ، چوقۇم باش تارتماي كىرىمىز، بىرسىمىزمۇ ئايرىلىپ قالمايمىز، ئەتىلىكتە دۈشمەن بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشنى ھەرگىزمۇ يامان كۆرمەيمىز، بىز چىدامچان، سۇباتلىق كىشىلەردۇرمىز، ئىنشائاللاھ بىزلەردىن مەمنۇن بولىدىغان ئىشلارنى كۆرىسەن. شۇڭا، ئاللاھقا تاپشۇرۇپ يولۇڭنى داۋاملاشتۇرغىن»، دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە سەئەد ئىبنى مەئاز رەسۇلۇللاھقا: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئېھتىمال سەن ئەنسارلار پەقەت ماڭا ياردەم بېرىش ۋە مېنى قوغداشنى مەدىنە ئىچىدىلا مەجبۇرىيەت دەپ بىلىدۇ، دەپ قورقۇۋاتقان بولۇشۇڭ مۇمكىن. مەن ئەنسارلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلاي ھەم جاۋاب بېرەي: سەن بىزنى خالىغان يەرگە باشلاپ بارغىن، خالىغان كىشى بىلەن ئەھدى-ئالاقە ئورناتقىن، خالىغان كىشىدىن ئالاقە-رىشتىڭنى ئۈزگىن، مال-دۇنيالىرىمىزدىن ئۆزۈڭ خالاپ ئالغىن، ئۆزۈڭ خالاپ قويۇپ قويغىن، ھەر ھالدا سېنىڭ ئېلىۋالغىنىڭ بىز ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىڭدىن چارىراق. بىزنىڭ ھەر قانداق ئىشىمىز سەن بۇيرىغان ئىشقا تابىيىدۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن غەمداننىڭ ‹بەرىكە› دېگەن يېرىگە يول ئالساڭ، بىزمۇ چوقۇم سەن بىلەن بىرگە ئاتلىنىمىز ۋە قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بىزنى مۇشۇ دېڭىزغا كىرىشكە بۇيريساڭ، ئىككىلەنمەستىن كىرىمىز» دېگەن.

سەئەدنىڭ سۆزى رەسۇلۇللاھقا زور ئىلھام بولدى چېغى، ئۇ بۇ گەپتىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالغا ئىلگىرىلەيلى، ئۈمىدۋار بولايلى، ئاللاھ ماڭا ئىككى تائىپىنىڭ بىرىنى ۋەدە قىلدى، قەسەم قىلىمەنكى، گويا مەن شۇ تاپتا مۇشرىكلارنىڭ مەلەقتەك ياتقان ئۆلۈكلىرىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن».

ئىسلام قوشۇنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدى

يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ زەفراندىن يولغا چىقىپ، ئەسافىر دەپ ئاتىلىدىغان بىر داۋاندىن ئاشتى. ئۇ يەردىن دەييە دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بىر كەنتكە چۈشتى ۋە ھەنان (چوڭ تاغدىن قېلىشمايدىغان بىر دۆڭلۈك)نى ئوڭغا تاشلاپ مېڭىپ، بەدرىگە يېقىن بىر يەرگە كېلىپ ئورۇنلاشتى.

رەسۇلۇللاھ ئۆزى بىۋاسىتە چارلاش ئېلىپ باردى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ ئۆزى بىۋاسىتە چارلاش ئېلىپ باردى”

مۇشۇ يەردە رەسۇلۇللاھ ھىجرەت سەپەردىشى ۋە غاردىكى ھەمراھى ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەن بىللە ئۆزى بىۋاسىتە چارلاش ئېلىپ باردى. ئىككىيلەن مەككە قوشۇنىنىڭ ھەربىي گازارمىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان يەرنىڭ ئەتراپىدا يىراقتىن كۆزىتىپ، رازۋېت قىلىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت بىر پېشقەدەم ئەرەپ بوۋايغا ئۇچراپ قالدى.

رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن: «قۇرەيش قوشۇنى ۋە مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام)نىڭ ئادەملىرى ھازىر نەلەرگە يېتىپ كەلگەندۇ؟» دەپ سورىدى. (رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن ئۆزىنىمۇ سوراپ قويۇشى، ئۆزىنىڭ سالاھيىتىنى ئاشكارىلىماسلىق ئۈچۈن ئىدى) لېكىن ھېلىقى بوۋاي: «سىلەر ماڭا ئۆزۈڭلارنىڭ كىم»لىكىنى ئېيتىپ بەرمىگۈچە مەن ئېيتىپ بەرمەيمەن»، دەپ تۇرۇۋالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «ئاۋۋال سەن ئېيتىپ بەرسەڭ، ئاندىن بىز ئېيتىپ بېرىمىز»، دېگەنىدى. بوۋاي: «ئاۋۋال مەن، ئاندىن سەن، شۇنداقمۇ؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، شۇنداق» دېۋىدى، بوۋاي: «ئاڭلىشىمچە، مۇھەممەد ئادەملىرى بىلەن پالانى كۈنى يولغا چىققانمىش، ماڭا خەۋەر قىلغان كىشىنىڭ گېپى راست بولسا، ئۇلار بۈگۈن پالانى يەردە»، دېدى. (مەدىنە قوشۇنى ئورۇنلاشقان ئورۇننى تىلغا ئېلىپ) يەنە ئاڭلىشىمچە، قۇرەيشلەر پالانى كۈنى يولغا چىققانىكەن، ئاشۇ خەۋەر راستلا بولسا، ئۇلار بۈگۈن چوقۇم پالانى يەردە دېدى (قۇرەيش قوشۇنى چۈشكەن يەرنى ئاتاپ)»،. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىپلا: «سىلەر ئىككىڭلار كىم بولىسىلەر؟» دەپ سورىغانىدى. رەسۇلۇللاھ: «بىز سۇدىن» دەپ جاۋاب بەردى-دە، ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتقىنىچە كېتىپ قالدى. بۇۋاي «سۇدىن دېگەن نېمە ئۇ؟ ئىراق سۈيىدىنمۇ ياكى …؟» دەپ ئاغزىنى ئۇشلاپلا قالدى.

مەككە قوشۇنى توغرىلىق مۇھىم بىر ئاخباراتقا ئېرىشىش

شۇ كۈنى كەچتە رەسۇلۇللاھ يېڭىدىن رازۋېتچىكلارنى تەيىنلەپ دۈشمەن ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئەۋەتتى. بۇ ۋەزىپىنى مۇھاجىرلارنىڭ پېشىۋالىرىدىن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، زۇبەير ئىبنى ئاۋام ۋە سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس قاتارلىق ئۈچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى. ئۇلار بەدرى كەنتىنىڭ سۇ ئېقىنى بويىغا بېرىۋىدى، مەككە قوشۇنىنىڭ سۇ توشۇغۇچى ئىككى ئادىمىنى ئۇچرىتىپ قالدى، رازۋېتچىكلار دەرھال ئۇلارنى تۇتۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ھەيدەپ كەلدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇۋاتاتتى، باشقىلار ئالدىراپ ئۇلارنى سوراق قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار (يەنى ئىككى ئەسىر): «بىز قۇرەيش ئارمىيىسىنىڭ سۇ توشۇغۇچىلىرى، ئۇلار بىزنى سۇ ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن»، دېدى. بۇ گەپ مۇسۇلمانلارغا ياقمىدى. چۈنكى ئۇلار بۇ ئىككىيلەننىڭ ئەبۇ سۇفياننىڭ ئادەملىرى چىقىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، (چۈنكى، ئۇلاردا تېخىچە كارۋاننى قولغا چۈشۈرۈش ئۈمىدى ئۈزۈلمىگەنىدى) شۇڭا مۇسۇلمانلار ھېلىقى ئىككى ئەسىرنى قاتتىق ئۇردى. ھەتتا ئۇلار: «بىز ئەبۇ سۇفياننىڭ ئادەملىرى»، دېگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇرۇشنى توختاتتى.

ئۇنىڭغىچە رەسۇلۇللاھمۇ نامازدىن فارىغ بولدى ۋە كۆپچىلىككە ئاچچىقلانغاندەك: «ئۇلار راست گەپ قىلسا ئۇردۇڭلار، يالغان ئېيتسا قويۇۋەتتىڭلار، ئەزبىرايى خۇدا، ئۇلار ئاۋۋال راست ئېيتقانىدى. ئۇلار چوقۇم قۇرەيش قوشۇنىنىڭ ئادەملىرى»، دېدى. ئاندىن ئۇلارنى ئۆزى بىۋاسىتە سوراق قىلدى. رەسۇلۇللا:

— ئېيتىڭلار قۇرەيش ئارمىيىسى نەدە؟ ئەسىرلەر:

— ئۇلار ئاۋۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان يىراق دۆڭلۈكنىڭ كەينىدە.

— ئازمۇ، كۆپمۇ؟

— بەك كۆپ.

— سانى قانچىلىك؟

— بىلمەيمىز.

— ئۇلار بىر كۈندە نەچچە تۆگە سويىدۇ؟

— بىر كۈنى توققۇز، يەنە بىر كۈنى ئوننى سويىدۇ.

رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاڭلاپ: «ئۇلارنىڭ سانى 900 بىلەن 1000نىڭ ئارىلىقىدا ئىكەن»، دېدى. ئاندىن كېيىن يەنە سوراقنى داۋاملاشتۇردى:

— قۇرەيش كاتتىلىرىدىن كىم، كىملەر بار؟

— ئۇتبە بىلەن شەيبە (رەبىيئەنىڭ ئىككى ئوغلى)، ئەبۇلبەختەرى ئىبنى ھىشام، ھەكەم ئىبنى ھىزام، نەۋفەل ئىبنى خۇۋەيلىد، ھارىس ئىبنى ئامىرى، تۇئەيمە ئىبنى ئەدىي، نەزرى ئىبنى ھارىس، زەمئە ئىبنى ئەسۋەد، ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام ۋە ئۇمەييە ئىبنى خەلەف قاتارلىقلار بار دەپ يەنە بىر قانچە كىشىنىڭ ئىسىملىكىنى تاپشۇردى.

سوراقتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ قوشۇندا سۆز قىلىپ: «مەككە سىلەرگە جىگەر پارىلىرىنى چىقارتىپتۇ»، دېدى.

سىم-سىم يامغۇر

شۇ كېچىسى ئاسمان بۇلۇتلىنىپ، يامغۇر ياغدى. ئاللاھ يامغۇرنى مۇشرىكلار چۈشكەن جايلارغا كۆپ ياغدۇرۇۋەتكەنلىكتىن، ئۇلارنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىن توسۇپ قويدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە سىم-سىم يامغۇر ياغدى، بۇ ئۇلارنى پاكلىدى ۋە شەيتاننىڭ پاسكىنا مەينەتچىلىكلىرىنى كەتكۈزدى. يەر قاتتى، قۇملار چىڭدىلىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قەدىمى پېتىپ كەتمەيدىغان بولدى ۋە چېدىر-بارىگاھلارنى تىكىشكە شارائىت ھازىرلىنىپ قوشۇننىڭ دىلى تەسكىن تاپتى.

ئىسلام قوشۇنى مۇھىم ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئالدىن بېرىپ ئورۇنلىشىۋالدى

رەسۇلۇللاھ بەدرى سۈيىگە مۇشرىكلاردىن بۇرۇن بېرىپ ئورۇنلىشىۋېلىش ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇننى ئالدىن ئىگەللىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قوشۇننى قوزغىدى ۋە جىددىي يول يۈرۈپ ئاخشىمى بىر مەھەللىدە بەدرى سۇ مەنبەلىرىدىن بىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ چۈشتى. بۇ چاغدا ھۇباب ئىبنى مۇنزىر گويا بىر ھەربىي مۇتەخەسسىستەك ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ يەرگە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چۈشتۈڭمۇ؟ ياكى جەڭ تەدبىرى ئۈچۈن ئۆز رايىڭ بىلەن چۈشتۈڭمۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: « جەڭ تەدبىرى ئۈچۈن ئۆز رايىم بىلەن چۈشتۈم»، دېدى. ھۇباب: «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ يەرگە چۈشۈش مۇۋاپىق ئەمەس، قوشۇنغا بۇيرۇق قىلغىن، بىز بۇ يەردىن قوزغىلىپ بەدرى سۇلىرىدىن مۇشرىكلارغا ئەڭ يېقىن بىر سۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئورۇنلىشىپ، بىر كۆل ياساپ سۇ چىڭقىۋالايلى، ئاندىن باشقا قۇدۇق ۋە كۆللەرنى كۆمۈۋېتەيلى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش قىلساق، بىز سۇ قىيىنچىلىقى تارتمايمىز، دۈشمەن سۇ ئىچەلمەي قىينىلىدۇ»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «توغرا ئېيتتىڭ»، دېدى-دە، قوشۇننى تېزدىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، دۈشمەن قوشۇنىغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر سۇ بويىغا تۈن نىسپىدە كېلىپ چۈشتى، ئاندىن كۆل كولاپ، سۇ چىڭقىۋېلىپ ئۇنىڭدىن باشقا كاتەك ۋە كۆللەرنى تىندۇرۇۋەتتى.

قوماندانلىق شىتاب

مۇسۇلمانلار سۇ بويىغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن سەئەد ئىبنى مەئاز رەسۇلۇللاھقا كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىغا قارىتا ئالدىن تەييارلىق كۆرۈش ۋە غەلىبە قىلىشتىن بۇرۇن مەغلۇبىيەتنىمۇ ئويلاپ قويۇش نۇقتىنەزىرى بويىچە مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن مەخسۇس بىر قوماندانلىق ئۆيى تەسىس قىلىپ بېرىش تەكلىۋىنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز ساڭا سەن تۇرۇدىغان بىر ياغاچ قورشام ئۆي بىنا قىلىپ، يېنىغا ئات ئۇلاغلىرىمىزنى تەل قىلىپ قويۇپ، ئاندىن جەڭگە كىرەيلى؟ ئەگەر ئاللاھ بىزگە غەلىبە-نۇسىرەت ئاتا قىلىپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كەلسەك، كۆڭلىمىزدىكىدەك ئىش بولغىنى. ناۋادا ئەكسىچە ئىش بولۇپ قالسا، ئېتىڭغا مىنگەن پېتى مەدىنىدە قېپقالغان مۇسۇلمانلارنىڭ قېشىغا بېرىۋالىسەن-دە، ئاللاھ سېنى ئۇلار بىلەن قوغدايدۇ. چۈنكى، مەدىنىدە سېنى بىزدىن بەكرەك سۆيىدىغان ۋە جان پىدا قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر قېلىپ قالدى. ئۇلار سېنىڭ دۈشمەن بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشىڭنى بىلگەن بولسا، ھەرگىز ئايرىلىپ قالمايتتى».

رەسۇلۇللاھ سەئەدنىڭ بۇ سۆزىگە ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە ئۇنىڭغا خەيرلىك بىلەن دۇئا قىلدى ۋە شۇ ھامان مۇسۇلمانلار ھەرىكەتلىنىپ ئۇرۇش مەيدانىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان ئېگىز بىر دۆۋە ئۈستىگە جەڭ مەيدانىغا قارىتىپ ياغاچ قورشام بىلەن بىر ئۆي بىنا قىلدى. شۇنداقلا سەئەد ئىبنى مەئاز باشچىلىقىدا ئەنسار ياشلىرىدىن بىر قانچە ئەزىمەتنى تاللاپ، مەخسۇس رەسۇلۇللاھنى قوغداش ئۈچۈن قوماندانلىق شىتاب ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

قوشۇننى سەپەرۋەر قىلىش ۋە كېچىنى بىدار ئۆتكۈزۈش

شىتاب پۈتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ قوشۇننى سەپەرۋەر قىلدى. ئۇ جەڭ مەيدانىدا سالماق قەدەم تاشلاپ مېڭىپ: « ئىنشائاللاھ ئەتە ماۋۇ پالانى ئۆلتۈرۈلۈدىغان جاي، ئاۋۇ ئىنشائاللاھ پالانى بېشىنى يەيدىغان جاي …» دەپ قولى بىلەن كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئاندىن شۇ يەردىن بىر تۈپ دەرەخ تۈۋىگە بېرىپ ناماز ئوقۇش بىلەن كېچىنى بىدار ئۆتكۈزدى. مۇسۇلمانلار كۆڭۈللىرى خاتىرجەم، ئوچۇق-يورۇق ۋە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، يۈرەكلىرىنى توختاتقان ھالدا يېتىپ ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىدىكى بېشارەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىدا راھەتلىك ئۇخلىۋالدى: ﴿إِۇْ يُغَشِّيكُمُ النُّىَاسَ ۆَمَنَەً مِّنْھُ وَيُنَزِّلُ ىَلَيْكُم مِّن السَّمَاء مَاء لِّيُطَھِّرَكُم بِھِ وَيُۇْھِبَ ىَنكُمْ رِجْزَ الشَّيْطَانِ وَلِيَرْبِطَ ىَلَۈ قُلُوبِكُمْ وَيُڭَبِّتَ بِھِ الۆَقْدَامَ﴾ «ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تىنچلاندۇرۇش يۈزىسىدىن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىدى، (تاھارەت ئېلىپ غۇسلى قىلىپ پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىپ) كۆڭلۈڭلار توق تۇرۇشى ئۈچۈن، قەدىمىڭلارنىڭ (قۇمغا پېتىپ كەتمەي) مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بولۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 11- ئايەت)

بۇ ھىجىرىيىنىڭ 2- يىلى رامىزان (9-ئاي)نىڭ 17- كۈنى جۈمە كېچىسى ئىدى. رەسۇلۇللاھ مۇشۇ ئاينىڭ 8- ياكى 12- كۈنى يولغا چىقىپ، پەيشەنبە كەچ مۇشۇ يەرگە يېتىپ كەلگەنىدى.

مەككە قوشۇنى جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا ئىچكى قىسىمدا ئىختىلاپ يۈز بەردى

ئەمما، قۇرەيش تەرەپ بەدرى ۋادىسىنىڭ مەدىنىگە يىراق چېتىدىكى ھەربىي گازارمىسىدا كېچىنى بىخارامان ئۇخلاپ ئۆتكۈزدى. ئەتىسى ئەتىگەن قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ناغرا-سۇناي، داقا-دۇمباقلىرىنى چېلىپ، دۆڭلۈك تەرەپتىن ھەيۋە بىلەن بەدرى ۋادىسىغا قاراپ چۈشتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قانچە كىشى ئۇدۇل رەسۇلۇللاھنىڭ كۆلىگە قاراپ ئۆزىنى ئاتتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنى سۇ ئىچكىلى قويۇڭلار»، دېدى ئۇلار كېلىپ ناھايىتى ئالمانجۇپ سۇ ئىچىشتى. شۇ كۈنى ئاشۇ كۆلدىن سۇ ئىچكەنلەرنىڭ بىرسىمۇ ئامان قالمىدى. پەقەت ھەكەم ئىبنى ھىزام قوتۇلۇپ قېلىپ، كېيىن مۇسۇلمان بولدى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەتتى. ئۇ قەسىمىنى مۇبالىغە قىلماقچى بولسا، «مېنى بەدرىدە ئامان قويغان ئاللاھ بىلەن قەسەم»، دەيتتى.

(ئەسلى گېپىمىزگە كېلەيلى) قۇرەيش قوشۇنى تۆۋەنگە چۈشۈپ توختىغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇمەير ئىبنى ۋەھەب جۇمەھىنى مەدىنە تەرەپنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە سان-سۈپىتىنى ئىگىلەشكە ئەۋەتتى. ئۇمەير ئېتىغا مىنىپ، قوشۇننىڭ ئەتراپىنى يىراقتىن بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن قايتىپ بېرىپ: «تەخمىنەن 300 ئادەم ئىكەن، بەلكىم ئازراق كەم ياكى زىيادە چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن جىق ئەمەس، لېكىن توختاپ تۇرۇڭلار، مەن قاراپ باقاي، ئۇلارنىڭ بۆكتۈرمە قوشۇنى ياكى ياردەمچى قوشۇنى بارمۇ تېخى؟» دېدى-دە، ئېتىنى چاپتۇرۇپ ئويمانلىقنىڭ يېراق چېتىگىچە بىر ئايلىنىپ چىقتى ۋە غەيرى ئەھۋال سەزمىگەندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ: «مەن ھېچ نەرسىنى بايقىمىدىم، لېكىن مەن ئى قۇرەيش جامائەسى! بالا-قازانىڭ، قىپ-قىزىل ئۆلۈم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يەسرەپ تۆگىلىرىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئۆلۈم توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن، ئۇلارنىڭ قىلىچلىرىدىن باشقا ھېچقانداق مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەسى ياكى پاناھلىنىش قارارگاھى يوق، ئەزبىرايى خۇدا، سىلەردىن بىرسى ئۆلمىگۈچە ئۇلاردىن بىرنى ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ، ناۋادا ئۇلار بۇ قېتىم سىلەرنىڭ ئىقتىدارلىق ئادەملىرىڭلارنى يوقۇتىۋەتسە، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتنىڭ نېمە لەززىتى، شۇڭا ئوبدان ئويلاپ كۆرۈڭلار»، دېدى.

بۇ چاغدا (باشتىن-ئاخىر ئۇرۇش قىلىش پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن) ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشامغا قارشى. قوشۇننى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان يەنە بىر قارشىلىق پىكىر ئېقىمى پەيدا بولدى. ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق بولدى: ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھەكىم ئىبنى ھىزام قوشۇن سەركەردىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇتبە ئىبنى رەبىئەنىڭ قېشىغا كىلىپ: «ئى ئەبۇ ۋەلىد (ئۇتبەنىڭ كونىيەت ئىسمى)!سەن قۇرەيش خەلقىنىڭ كاتتىسى، ھۆرمەتكە سازاۋەر باشلىقى، سەن ئەبەدىلئەبەد ياخشى نامىڭ قالىدىغان بىر ئىشقا قىزىقامسەن؟» دېدى. ئۇتبە: «قانداق ئىش ئۇ ئى ھەكەم» دېگەنىدى، ھەكىم ئىبنى ھىزام: «قوشۇننى قايتۇرۇپ كېتىسەن ۋە ئىتتىپاقدىشىڭ ئەمرى ئىبنى ھەزرەمى (نەخلە قوشۇنى ۋەقەسىدە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)نىڭ ئىشىنى ئۈستۈڭگە ئالىسەن»، دىدى. ئوتبە: «چوقۇم قىلىمەن، بۇ ئىشقا سەن ماڭا كېپىل بولغىن، ئۇ دېگەن مېنىڭ ئىتتىپاقدىشىم، ئۇنىڭ قەرزلىرى ۋە بۇلاپ كېتىلگەن ماللىرى مېنىڭ زىممەمگە قالسۇن»، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە ھەكىم ئىبنى ھـــىزامغا: «سەن ھازىـرلا ئىبنى ھەنزەل (ئەبۇ جەھىل) (ھەنزەل دېگەن ئۇنىڭ ئانىسى) نىڭ قېشىغا بارغىن. مەن كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى شۇنىڭ پۇچىلىۋېتىشىدىن قورقۇۋاتىمەن»، دېدى. ئاندىن ئۇتبە ئورنىدىن تۇرۇپ قوشۇن ئىچىدە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قۇرەيش خەلقى! سىلەر مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ نېمە قىلسىلەر؟ قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، ئەگەر ئۇنى يەڭمەكچى بولساق ئادەم قــــاراپ تۇرۇپ ئۆز تاغىسىنىڭ ئوغلىنى ياكى ھامماچىسىنىڭ ئوغلىنى ۋە ياكى ئۆز جەمەتىدىن بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ قانداق بولىدۇ؟ شۇڭا بىز قايتىپ مۇھەممەدنىڭ ئىشىنى باشقا ئەرەپ قەبىلىلىرىگە قالدۇرايلى. ئۇلار غالىب كېلىپ مۇھەممەدنىڭ ئەدىپىنى بەرسە ناھايىتى ياخشى بولغىنى، ناۋادا ئەكسىچە مۇھەممەد غەلبە قىلىپ قالسا ئۇنىڭ غەلىبىسى سىلەرنىڭ غەلىبەڭلار». ئاڭغىچە ھەكىم ئىبنى ھىزام ئەبۇ جەھىلنىڭ يېنىغا بېرىپ (ئەبۇ جەھىل بۇ چاغدا ساۋۇتلىرىنى كىيىپ جەڭ تەييارلىقى قىلىۋاتاتتى): «ئى ئەبۇلھەكەم (ئەبۇ جەھەلىنىڭ كونىيەت ئىسمى) ئۇتبە ئىبنى رەبىئە مېنى قېشىڭغا مۇنداق- مۇنداق گەپلەر بىلەن ئەۋەتتى» دېگەنىدى. ئەبۇ جەھىل قوپاللىق بىلەن: «ئەزبىرايى خۇدا، مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى كۆرۈپلا ئۇتبەنىڭ قورقۇپ يۈرىكى ئېغىپ كېتىپتۇ. ھەرگىز ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. ئاللا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاللا بىز بىلەن مۇھەممەدنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئادىل ھۆكۈم بىلەن ئايرىپ قويمىغۇچە قەتئىي قايتمايمىز. ئۇتبەنىڭ ئۇنداق دېيىشى، ئۇ مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قوشۇنىمىزغا ناشتىلىق بۇلۇپ قالىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئوغلى (ئەبۇ ھۇزەيپە ئىبنى ئۇتبە بۇرۇنلا مۇسۇلمان بولغان بۇلۇپ، ھىجرەت قىلىپ كەلگەن) شۇلارنىڭ قېتىدا. شۇڭا، ئۇ ئۆزبالىسىدىن ئەنسىرىگەن گەپ»، دېدى.

ئۇتبەگە ئەبۇ جەھىلىنىڭ: «ئەزبىرايى خۇدا، ئۇتبەنىڭ قورقۇپ يۈرىكى ئېغىپ كىتىپتۇ»، دېگەن ھاقارەت سۆزى ئاڭلىنىۋىدى، ئۇ: «ئاز قالدى، كىمنىڭ قورقۇپ يۈرىكى ئېغىپ كەتكەنلىكى ھېلى مەلۇم بولىدۇ. مېنىڭمۇ ياكى ئۇنىڭمۇ؟»، دېدى. ئەبۇ جەھىل بۇ قارشىلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ھەكىم ئىبنى ھىزام بىلەن شۇنچىلىك سۆزلىشىپلا ئامىر ئىبنى ھەزرەمى (نەخلە قوشۇنىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئەمرى ئىبنى ھەزرەمىنىڭ قان قېرىندىشى) گە دەرھال ئادەم ئەۋەتتى ۋە: «سېنىڭ ئىتتىپاقدىشىڭ (يەنى ئوتبە دېمەكچى) قۇشۇننى ئۇرۇشماي قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولىۋاتىدۇ، ھالبۇكى سەن قېرىندىشىڭنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن، شۇڭا دەرھال قېرىندىشىڭنىڭ قىساسىنى ئېلىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغىن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئامىر دەرھال قوشۇن ئارىسىغا چىقىپ قوڭىنى ئاچتى (بۇ دەرد- ئەلەمگە چىدىمىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى) ۋە: ۋاي ئەمرى، ۋاي ئەمرى، ۋاي قېرىندىشىم، ۋاي قېرىندىشىم»، دەپ توۋلىغىلى تۇردى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئەسەبىيتى قاينىدى. ئىش تەتۈرىسىگە ياندى، نىيەتلىرى بۇزۇلدى ۋە ئۇتبە تەشەببۇس قىلغان ئاقىلانە تەدبىر چۆرۈپ تاشلاندى. قىسقىسى، شۇنداق قىلىپ تەنتەكلىك تەدبىر ئۈستىدىن غالىب كەلدى ۋە تىنچلىق ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن بۇ بىر مەيدان تىرىشچانلىق ھىيلە-مىكىر بىلەن بېسىقتۇرۇۋېتىلدى.

ھەر ئىككى تەرەپ يېقىنلاپ كېلىپ سەپ تارتىشىپ تۇردى

مۇشرىكلار ھەيۋە بىلەن دۆڭ تەرەپتىن چۈشۈپ كېلىپ ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە كۆرۈنۈۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ! مانا بۇ قۇرەيش ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلىقى ۋە چوڭچىلىقى بىلەن ساڭا قارشىلاشقىلى ۋە سېنىڭ پەيغەمبىرىڭنى ئىنكار قىلغىلى كەلدى، ئى ئاللاھ، سەن ماڭا ۋەدە قىلغان ياردىمىڭنى نازىل قىلغىن، ئى ئاللاھ! ئۇلارنى ھازىرلا ھالاك قىلغىن»، دەپ دۇئا قىلدى ۋە يەنە رەسۇلۇللاھ دۈشمەن قوشۇنى ئىچىدە قىزىل تۆگىگە مىنىۋالغان ئۇتبە ئىبنى رەبىئەنى كۆرۈپ: «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياخشىلىق بار دېيىلسە چوقۇم قىزىل تۆگىلىك كىشىدە بار ئىدى، ئۇلار شۇنىڭ گېپىگە ئۇنىغان بولسا توغرا قىلغان بولاتتى»، دېدى.

رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىنى تەرتىپكە سالدى. ئۇ سەپلەرنى ئوڭشاپ تۈزۈۋاتقاندا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىش يۈز بەردى: «رەسۇلۇللاھنىڭ قولىدا سەپ تۈزۈش ئۈچۈن ئېلىۋالغان بىر تال تىغسىز ياچاق ئوقى بار ئىدى. ئۇ سەۋاد ئىبنى غۇزيەنىڭ سەپتىن ئېشىپ چىقىپ تۇرۇۋالغىنىنى كۆرۈپ: «تۈز تۇر! ئى سەۋاد!»، دەپ ئۇنىڭ قورسىقىغا نوقۇپ قويۇۋىدى، سەۋاد: «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى ئۇردۇڭ، قىساس ئالىمەن»، دەپ تۇرۇۋالدى. رەسۇلۇللاھ: «مانا قىساس ئالغىن»، دەپ قورسىقىنى ئېچىپ بېرىۋىدى، سەۋاد رەسۇلۇللاھنى قۇچاقلاپ، قورساقلىرىغا سۆيۈپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ: «بۇ نېمە قىلغىنىڭ ئى سەۋاد»، دەپ سورىغانىدى. سەۋاد: «ئى رەسۇلۇللاھ! كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ئۆلۈم ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ، شۇڭا ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا مېنىڭ تېنىم سېنىڭ تېنىڭگە تەگسۇن، دېدىم»، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەۋادقا خەيرلىك بىلەن دۇئا قىلدى ۋە سەپلەرنى تۈزەپ بولغاندىن كېيىن قوشۇنغا ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغۇچە، دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئاندىن ئۇلارغا جەڭ قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئالاھىدە يوليورۇق بېرىپ: « دۈشمەن باستۇرۇپ كەلسە يەنى ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلسا، يەر بېغىرلىتىپ ئوق ئۇزۇڭلار، ئاتقاندىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئارام بەرمەي ئېتىڭلار ۋە ئۈستۈڭلارغا بېسىپ كەلمىگىچە قىلىچ سۇغارماڭلار»، دېدى، ئاندىن ئەبۇ بەكرى بىلەن بىللە قوماندانلىق شىتابىغا قايتتى سەئەد ئىبنى مەئاز قوغدىغۇچى ئەزىمەتلەرنى باشلاپ، شىتاب دەرۋازىسى ئالدىدا قىلىچلىرىنى شىمايلاپ جەڭگىۋار ھالەتتە تۇردى.

ئەمما، مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدىن ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! ئۇ (رەسۇلۇللاھنى ھېمەكچى — ت) بىزدىن سىلە رەھىمنى ئۈزدى. بىز ئۇقمايدىغان بىر نېمىنى دىن دەپ ئېلىپ كەلدى، ئۇنى ھازىرلا ھالاك قىلغىن، ئى ئاللاھ! ئىككى تەرەپنىڭ قايسىمىزنىڭ ئىشى سېنىڭ دەرگاھىڭدا مەقبۇل كۆرۈلسە ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولساڭ، بۈگۈن نۇسرەت ۋە ياردىمىڭنى شۇ تەرەپكە ئاتا قىلغىن»، دېدى ۋە مۇشۇ ھەقتە ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿وان تستفتچوا فقد جاءكم الفتچ ج وان تنتھوا فھو خير لكم ج وان تىودوا نىد ج ولن تغني ىنكم فېتكم شيۆ ولو كڭرت لا وان اللھ مى المۋمنين﴾ «(ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كېلىپ بولدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا كەلدى) ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنىڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئىي قىلىپ بېرەلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇئمىنلەر بىلەن بىللىدۇر». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 19- ئايەت)

سائەت نۆل ۋە تۇنجى جەڭ ئۇچقۇنى

جەڭ پىلىكىگە تۇنجى بولۇپ ئوت ياققۇچى مۇشرىكلار تەرەپتىن ئەسۋەد ئىبنى ئابدۇلئەسەد مەخزۇمى بولدى. (ئۇ مىجەزى قوپال، بەتقىلىق ئادەم ئىدى) ئۇ جەڭ مەيدانىغا: «ئاللاھقا ئەھدى بېرىمەنكى، چوقۇم ئۇلارنىڭ كۆلىدىن سۇ ئىچىمەن ياكى ئۇنى بۇلغايمەن ۋە ياكى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمەن»، دەپ سەكرەپ چۈشتى. ئۇ مەيدانغا چۈشۈۋىدى، بۇ تەرەپتىن ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ چۈشتى. ئىككىيلەن بىر ئىككىچە قىلىچ سوقۇشتۇردى-دە، ھەمزە بىر ئۇرۇپلا ئۇنىڭ بىر پاچىقىنى ئۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئۇنىڭ كېسىلگەن پۇتى جىرت-جىرت قان تۆكمەكتە ئىدى. ئۇ يېقىلغان ئۇرۇن كۆلدىن خېلى يىراق بولسىمۇ، بىراق ئۇ قەسىمىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئۈچ پۇتلۇق بولۇپ كۆل تەرەپكە ئۆمىلەپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، كۆلگە ئۆزىنى ئاتتى. لېكىن ھەمزە ئۇنىڭغا ئامان بەرمەي قوغلاپ بېرىپ، ئاخىرى كۆلنىڭ ئىچىدە قىلىچلىۋەتتى.

يەكمۇ-يەك ئېلىشىش

ئەسۋەد ئىبنى ئابدۇلئەسەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئوت ئېلىش ئالدىدا تۇرغان جەڭ پىلىكىگە چاقماق چاقتى. شۇنىڭ بىلەن قۇرەيش چەۋاندازلىرىدىن ئۈچ كىشى مەيدانغا چۈشۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلىلىك كىشىلەر بولۇپ، ئۇتبە ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى شەيبە ۋە ئۇتبەنىڭ ئوغلى ۋەلىد قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلار سەپتىن ئېتىلىپ چىقىپلا يەكمۇيەك ئېلىشىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ چاغدا ئۇلارغا ئەنسار ياشلىرىدىن ئۈچ يىگىت — ئەۋف، مۇئەۋۋىز (ھارىسنىڭ ئىككى ئوغلى) ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھىيلەر مەيدانغا چۈشكەنىدى. مۇشرىكلار تەرىپىدىن چۈشكەنلەر: «سىلەر كىم بولىسىلەر؟» دەپ سورىدى. بۇ تەرەپتىن چىققانلار: «ئەنسار يىگىتلىرىمىز»، دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇلار: «يارايسىلەر، لاياقەتلىك ئەزىمەتلەر، ئەپسۇسكى، بىز سىلەر بىلەن ئۇرۇشماقچى ئەمەسمىز، بىزگە قۇرەيشلەردىن چىقسۇن»، دېدى. ئۇنىڭغىچە ئۇلارنىڭ ئېلانچىلىرى: «مۇھەممەد! بىزگە قۇرەيشتىن ئۆزىمىزگە لايىق تەڭ دېمەتلىرىمىزنى چىقىرىپ بەرگىن»، دەپ چۇقان كۆتۈرۈشتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ: «ئى ئەبۇ ئەبەيدە ئىبنى ھارىس، تۇر! ئى ھەمزە تۇر! ئى ئەلى تۇر!» دېدى. ئۇلار سەپتىن ئايرىلىپ مۇشرىكلارنىڭ ئالدىغا يېقىنلاپ بېرىۋىدى، مۇشرىك تەرەپ: «سىلەر كىم بولىسىلەر؟» دەپ سورىدى، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇۋىدى، ئۇلار: «يارايسىلەر، ئەمدى تېخى لاياقەتلىك ھەم تەڭلەر چىقىپسىلەر»، دېيىشتى-دە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۇتۇشۇپ كېتىشتى. ئەبۇ ئۇبەيدە (ئۇ ھەممىدىن پېشقەدەم ياشانغان كىشى ئىدى) ئۇتبە ئىبنى رەبىئە بىلەن تۇتۇشتى. ھەمزە شەيبە بىلەن تۇتۇشتى، ئەلى ۋەلىد ئىبنى ئۇتبە بىلەن تۇتۇشتى. ھەمزە بىلەن ئەلى ئۆز رەقىبلىرىگە ئاماننى زامانغا بەرمەي، قىلىچ ئۇرۇپ بىردەمدىلا تۇپا چىشلىتىۋەتتى. ئەمما، ئۇبەيدە رەقىبى ئۇتبە بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ، ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى ئېغىر يارىلاندۇرۇپ ھالسىزلىنىپ كەتتى. شۇڭا، ھەمزە بىلەن ئەلى ئۇتبەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى جەھەننەمگە ئۇزاتتى، ئاندىن ئۇبەيدەنى كۆتۈرۈپ مەيداندىن قايتىپ كىردى. ئۇنىڭ بىر پۇتى ئۈزۈۋېتىلگەنىدى، شۇڭا ئۇ بەدرى ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ 4 — 5 كۈندىن كېيىن مۇسۇلمانلار مەدىنىگە قايتىشتا سەپرا دېگەن يەرگە كەلگەندە جان ئۈزدى. ئۇ شۇنىڭغىچە بىر ئېغىز دەرد-ئەلەم شىكايىتى قىلمىغانىدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەسەم قىلغان ھالدا: ﴿ھۇا خپمان اختپموا في ربھم﴾ ‹(مۇئمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى پىرقە پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى›. (‹قۇرئان كەرىم› سۈرە ھەج 19- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەت شۇلار ھەققىدە نازىل بولغان» دەيتتى.

ئومۇمىي ھۇجۇم

بۇ بىر مەيدان يەكمۇيەك ئېلىشىشنىڭ نەتىجىسى مۇشرىكلارغا نىسبەتەن تالاپەتلىك باشلىنىش بولدى. ئۇلار ئەڭ ياخشى ماھىر چەۋاندازلىرىدىن ۋە قابىل قوماندانلىرىدىن بىراقلا ئۈچ كىشىدىن ئايرىلىپ قالدى، شۇڭا ئۇلار غەزەپ ئوتىدا ياندى ۋە مۇسۇلمانلارغا كەڭ كۆلەمدە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى.

ئەمما، مۇسۇلمانلار ئاللاھقا سېغىنىپ ئىلتىجا قىلىپ، ياردەم ۋە مەدەت تىلەپ ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغالماي مۇداپىئەدە تۇرۇپ دۈشمەننى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتتى. ئۇلارنىڭ جەڭ مارشى «ئەھەد»، «ئەھەد» (ئاللاھ بىر، ئاللاھ بىر) ئىدى.

رەسۇلۇللاھ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلماقتا

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلماقتا”

رەسۇلۇللاھ قوشۇننىڭ سەپلىرىنى رەتكە سېلىپ جەڭ ئىشلىرىغا ئائىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولۇپ، قوماندانلىق شىتابقا قايتىپلا بىرى، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان ياردەم ۋە نۇسرەتلىرىنى تىلەشنى باشلىۋەتتى. ئۇ ئىلتىجا قىلىپ: «ئى ئاللاھ! ماڭا ۋەدە قىلغان ياردىمىڭنى نازىل قىلغىن، ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭدىن ئۆز ۋەدەڭنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇڭنى تىلەيمەن»، دەيتتى. بىر چاغدا جەڭ راسا قىزىپ كەسكىنلىشىشكە باشلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ يەنە قول كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! بۈگۈن مۇشۇلارنىڭ ھالاكىتىنى خالىساڭ، زېمىندا ساڭا ئىبادەت قىلغۇچىلار تۆگەيدۇ»، دېدى ھەتتا، ئىلتىجاغا غەرق بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۆشنىسىدىكى رىدامۇ چۈشۈپ كەتتى. ئەبۇ بەكرى رىدانى يەردىن ئېلىپ يېپىندۇرۇپ قويۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئەمدى كۇپايە قىلسىلا، پەرۋەردىگارىمىزغا كۆپ ئىلتىجا قىلدىلا»، دېدى.

ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەرىشتىلىرىگە ۋەھىي قىلىپ: ﴿…اني مىكم فڭبتوا الۇين امنوا سۆلقي في قلوب الۇين كفرو الرىب…﴾ «مەن سىلەر بىلەن بىللە مۇئمىنلەرنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) سۇباتلىق قىلىمەن، كافىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن»، («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 12- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېدى ۋە رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي قىلىپ: ﴿ۆني ممدكم بالفٍ من الملاېكە مردفين﴾ «مەن سىلەرگە ئارقىمۇئارقا (چۈشىدىغان) 1000 پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن»، دېدى.

ياردەمچى قوشۇن

شۇئان رەسۇلۇللاھ كۆزىنى يۇمۇپ، دەقىقە مىقدارى سۈكۈتكە چۆمدى، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ: «خۇش خەۋەر، ئى ئەبۇ بەكرى! مانا جىبرىئىل چاڭ-توزاڭ ۋە ئۆرلىتىپ كېلىۋاتىدۇ»، دېدى. ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە: «رەسۇلۇللاھ ئەبۇ بەكرىگە: «خۇش خەۋەر، ئى ئەبۇ بەكرى ئاللاھنىڭ ياردىمى يېتىپ كەلدى، مانا بۇ جىبرىئىل تۇلپىرىنى چاپتۇرۇپ، چاڭ-توزاڭلارنى ئۆرلىتىپ كېلىۋاتىدۇ»، دېدى. ئاندىن كەپىدىن ساۋۇتىنى قوشلاپ كىيىپ: «مۇشرىكلار توپى مەغلۇپ قىلىنىپ، ئارقىغا چىكىندۈرۈلدى»، («قۇرئان كەرىم» 54- سۈرە 45- ئايەت) دېگەچ سەكرەپ چىقتى ۋە يەردىن بىر سىقىم شېغىل تۇپىنى ئېلىپ قۇرەيشلەرگە قارىتىپ: «ئاللاھ خار قىلغاي»، دەپ ئاتقانىدى، كۆز، بۇرۇن، قۇلاقلىرىغا توپا كىرمىگەن بىرمۇ مۇشرىك قالمىدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئى مۇھەممەد! بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) ئاللاھ ئاتتى»، («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 17- ئايەت) دەيدۇ.

قايتۇرما ھۇجۇم

دەل مۇشۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ قوشۇنغا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش توغرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى بۇيرۇقنى چىقىرىپ: «ئالغا…!»، دەپ توۋلىدى ۋە ئۇلارنى جەڭگە رىغبەتلەندۈرۈپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۈگۈن مۇشرىكلارغا قارشى چېكىنمەي سۇباتلىق بىلەن جەڭ قىلغان ئادەمگە ئاللاھ جەننەتنى ئاتا قىلىدۇ»، دېدى. ئۇ يەنە قوشۇنغا ئىلھام بېرىپ: «كەڭلىكى ئاسمان-زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئاتلىنىڭلار»، دېدى. ئۇمەير ئىبنى ھۇمام تۇرۇپ: «ھەببەللى، ھەببەللى»، دەپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ: «نېمە دەپ ھەببەللى، ھەببەللى دەيسەن؟» دېۋىدى. ئۇمەير: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئاشۇ جەننەت ئەھلىدىن بولارمەنمىكىن دەپ مۇشۇنداق دېدىم»، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: «سەن چوقۇم جەننەت ئەھلىدىن»، دېدى. ئۇمەير يېنىدىكى تورسىدىن بىر قانچە خورما قېقىنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى. ئاندىن: «ئەگەر مەن مۇشۇلارنى يەپ ياشاۋېرىدىغان بولسام، بۇ تولىمۇ ئۇزۇن ھايات بولۇپ كەتكۈدەك»، دېدى-دە، قولىدا قالغانلىرىنى يەرگە پوك قىلىپ تاشلىۋېتىپ، گىرەلەشمە جەڭگە كىرىپ كەتتى. ئۇ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇپ-ئۇرۇشۇپ، ئاخىرى شېھىت بولۇپ كەتتى.

شۇنىڭدەك، يەنە رەسۇلۇللاھتىن ئەۋف ئىبنى ھارىس (ئەپرانىڭ ئوغلى): «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنى بەندىلەرنىڭ قايسى ئىشى خوشال قىلىدۇ؟» دەپ سورىغانىدى. رەسۇلۇللاھ: «بەندىنىڭ يەڭ-پەشلىرىنى شىمايلاپ دۈشمەنگە قول سالغىنى، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ ئۈستىدىكى تۆمۈر كىيىمىنى سېلىپ تاشلىۋېتىپ، قىلىچنى سۇغارغىنىچە دۈشمەن توپىغا قاراپ ئېتىلدى. ئۇمۇ ئۇرۇشۇپ-ئۇرۇشۇپ ئاخىرى شېھىت بولۇپ كەتتى.

رەسۇلۇللاھ قوشۇنغا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش بۇيرۇقىنى چىقارغاندا مۇشرىكلارنىڭ شىددىتى ئاللىقاچان بوشاپ ھۇجۇم قىلىش قىزغىنلىقى يوقالغانىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تەدبىرلىك پىلانىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ جەڭ مەيدانىدا ئۈستۈنلۈكىنى ئىگەللىشىگە ئىنتايىن زور رولى بولدى. چۈنكى، ئۇلار ھۇجۇمغا ئۆتۈش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان (تېخى بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ جەڭ قىزغىنلىقى ياش ھالىتىدە ئىدى) دەھشەت يۇقىرى جاسارەت بىلەن ھۇجۇم قوزغىدىكى، دۈشمەن سەپلىرىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى كېسىپ سۈر توقاي قىلىشقا باشلىدى ۋە رەسۇلۇللاھمۇ ئۈستىگە ساۋۇتىنى قوشلاپ كېيىپ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا «مۇشرىكلار توپى مەغلۇپ قىلىنىدۇ ۋە چوقۇم چېكىندۈرىلىدۇ»، دەپ قوماندانلىق شىتابتىن ئېتىلىپ چىققانلىقى قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋەتتى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلارمۇ يولۋاستەك ئېتىلىپ، تەڭداشسىز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى ۋە پەرىشتىلەرمۇ ھەمدەمگە كەلدى.

ئىبنى سەئەدنىڭ ئىكرەمەدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: «شۇ كۈنى بەزى ئادەملەرنىڭ كاللىسى ئۈزۈلۈپ چۈشەتتى، كىمنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، يەنە بەزىلەرنىڭ قولى كېسىلىپ كېتەتتى، كىمنىڭ قىلىچ ئۇرغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى»، دېيىلگەن. ئىبنى ئابباس مۇنداق دېگەن: «بىر چاغدا مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى ئالدىدا قېچىپ كېتىۋاتقان بىر مۇشرىكنى قوغلاپ كېتىۋاتاتتى. ئۇشتۇمتۇت ئۈستى تەرىپىدىن قامچىنىڭ ئۇرۇلغان ئاۋازىنى ۋە بىر ئاتلىقنىڭ: «دىت چۇھ، دىت چۇھ»، دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى، قارىسا ھېلىقى مۇشرىك ئالدىدا ئۆلۈك ياتقۇدەك. بۇ كىشى كېلىپ رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «راست ئېيتىسەن، ئاشۇلار ئۈچىنچى ئاسماننىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرى»، دېدى.

ئەبۇ داۋۇت مازىنى مۇنداق دېگەن: «شۇ كۈنى مەن بىر مۇشرىكنى قوغلاپ كېتىۋاتاتتىم، قىلىچنى ئۇنىڭغا چۆرۈپ بولغۇچە ئۇنىڭ بېشى يەرگە چۈشۈپ بولدى. مەن ئۇنى باشقىلار ئۆلتۈرگەن چېغى دەپتىمەن»، شۇ ئەسنادا ئەنسارلاردىن بىر كىشى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنى (رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى) ئەسىر ئېلىپ كەلدى. ئابباس: «ئەزبىرايى خۇدا، مېنى بۇ كىشى ئەسىر ئالمىدى، مېنى ناھايىتى ئېسىل، چىلان تورۇق ئاتقا مىنىۋالغان، بەستلىك، قاۋۇل چىراي-شەكلى كېلىشكەن بىر كىشى ئەسىر ئالغان، ئۇ ئادەم ھازىر كۆرۈنمەيدۇ»، دەيتتى. ئەنسارى: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنى مەن ئەسىر ئالدىم»، دەيتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «جىم تۇر، ساڭا ئاللاھ كاتتا پەرىشتىلەر بىلەن ياردەم بەرگەن گەپ»، دېدى.

ئىبلىس جەڭ مەيدانىدىن چېكىندى

ئىبلىس پەرىشتىلەرنىڭ مۇشرىكلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ (ئۇ يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك سۇراقە ئىبنى مالىك جۇئشۇمينىڭ سىياقىدا كېلىپ تا ھازىرغىچە مۇشرىكلار سېپىدىن ئايرىلمىغانىدى) كەينىگە ياندى ۋە ئاستا سۇغۇلۇپ تىكىۋەتمەكچى بولدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھارىس ئىبنى ھىشام (ئۇنى ھەقىقى سۇراقە دەپ ئويلىغان) ئېسىلىۋالغانىدى. ئۇ ھارىسنىڭ مەيدىسىگە قاتتىق بىر مۇشت ئۇرۇپ يىقىتىۋەتتى ۋە ئالمان-تالمان قېچىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن مۇشرىكلار: «نەگە ئى سۇراقە؟ سەن بىزگە … باشپاناھ بولىمەن ۋە باشتىن ئاخىر ئايرىلمايمەن دېگەنتىڭغۇ؟»، دەپ توۋلاشقانىدى، ئىبلىس: «مەن سىلەر كۆرمىگەن ئىشلارنى كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ ئازابى ناھايىتى قاتتىق»، دېگىنىچە قېچىپ دېڭىز ساھىلى تەرەپكە غايىپ بولدى.

پاجىئەلىك مەغلۇبىيەت

مۇشرىكلارنىڭ سەپلىرىدە پارچىلىنىش ۋە يىمىرىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئالدىدا بەرداشلىق بېرەلمىدى. ئۇرۇش ئاخىرلىشاي دەپ قالغانىدى، مۇشرىكلار توپى تەرەپ-تەرەپكە جېنىنى ئېلىپ تىكىۋېتىشكە باشلىدى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ، تەسلىم بولغانلارنى ئەسىر ئېلىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئاخىرى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلدى.

ئەبۇ جەھىلنىڭ مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي جان-جەھلى بىلەن قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكى

ئەمما، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ باش جىنايەتچىسى، جاللات ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام ئۆز قوشۇنىنىڭ سەپلىرىدىكى يىمىرىلىش ۋە پاتىپاراقچىلىق ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ، بۇ خىل پايدىسىز ئېقىمىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدى، ھەدەپ قوشۇنىنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئۇلارغا بۇيرۇق چۈشۈرەتتى ۋە: «سۇراقەنىڭ خائىنلىق قىلغانلىقى سىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىسۇن، ئۇ دېگەن مۇھەممەد بىلەن ئالدىن كېلىشىۋالغان پىلانلىق سۈيقەست، شەيبە ئۇتبە ۋە ۋەلىدلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن قورقۇپ ھودۇقۇپ كەتمەڭلار، ئۇلار ئالدىراپ كەتتى. لات، ۋە ئۇززا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىز ئۇلارنى ئارغامچا، تانىلار بىلەن باغلاپ ئېلىپ كېتىشىمىز كېرەك، ھېچقايسىڭلار ئۇلاردىن بىر ئادەم ئۆلتۈرۈپلا بولدى قىلماڭلار، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، بىز ئۇلارغا يامانلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى راسا بىر تونۇتۇپ قويايلى»، دەيتتى.

لېكىن ئۇنىڭ ئۇنىڭغا مۇغەمبەرلىكنىڭ، كۆرەڭلىكنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىسى تېزلا ئاشكارىلىنىپ قالدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ كۆپ سانلىق قوشۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئالدىدا پارچىلىنىشقا باشلىدى ۋە ئۇنىڭ توپىدا پاتىپاراقچىلىق يۈز بەردى.

ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت بىر قانچە مۇشرىكلا قېپقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا قىلىچ-نەيزىلەر بىلەن مۇستەھكەم بىر قورغان شەكىللەندۈرگەنىدى. لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىنىڭ بىھەيۋەت دولقۇنى ئالدىدا بۇ قورغانلارمۇ بۇزۇۋېتىلدى ۋە نەيزە، قىلىچلىرى پاچاقلاپ تاشلىۋېتىلدى. دەل مۇشۇ چاغدا بۇ قانخور، جاللات توپ ئارىسىدا ئاق تۆگىدەك ئېچىلىپ قالدى. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئات ئۈستىدە چېپىپ يۈرگىنىنى كۆردى. ۋەھالەنكى، ئۆلۈم ئىككى ئەنسارى ئەزىمەتنىڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ قېنىنى ئىچىشكە ئىنتىزار ئىدى.

ئەبۇجەھىلنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى

ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋف مۇنداق دېگەن: «بەدرى كۈنى مەن سەپتە تۇرۇۋاتاتتىم، شۇنداق قارىسام ئوڭ يېنىمدا بىر، سول يېنىمدا بىر، ئىككى ئەنسار يىگىتى پەيدا بولدى، گويا مەن بۇلارغا ئىشەنمەي قالدىم. توساتتىن ئۇلارنىڭ بىرسى يەنە بىرسىدىن يوشۇرغاندەك قىلىپ: «ئى تاغا! ماڭا ئەبۇ جەھىل دېگەننى كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز»، دېدى، مەن ئۇنىڭغا : «ئىنىم! ئۇنى نېمە قىلىسەن؟» دېسەم، ئۇ: «ئاڭلىشىمچە، ئۇ رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ئەزىيەت قىلاركەندۇق، خەپ … بۈگۈن ئۇنى كۆرۈپلا قالىدىغان بولسام ئىككىمىزنىڭ بىرسى ئۆلۈم شارابىنى تېتىمىغۇچە ئۇنى قاچۇرۇپ قويمايمەن»، دېدى. مەن بۇنىڭ جاسارىتىگە راستىنلا ئەجەپلەندىم، شۇنداق تۇراتتىم، مېنى يەنە بىرى نوقۇدى ۋە ئالدىنقىغا ئوخشاش بىر گەپنى قىلدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئەبۇ جەھىلنىڭ دۇشمەن توپى ئىچىدە ئوڭ-سولغا قاتىراپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم-دە، ھېلىقى ئىككى يىگىتكە «كۆردۇڭلارمۇ؟ ئەنە ئاۋۇ سىلەر ئىزدىمەكچى بولغان ئادەم شۇ»، دەپ ئەبۇ جەھىلنى كۆرسىتىپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلىچلىرىنى ئوينىتىپ ئەبۇ جەھىل بار تەرەپكە ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. ھەر ئىككىيلەن ئۇنى تەڭلا ئۇرۇپ يىقىتتى، ئاندىن قايتىپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا مەلۇم قىلىشتى. رەسۇلۇللاھ «ئۇنى قايسىڭلار ئۆلتۈردۇڭلار»، دەپ سورىغانىدى، ھەر ئىككىلىسى: «ئى رەسۇلۇللاھ مەن ئۆلتۈردۇم»، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: «ئىككىلىڭلار تەڭ سالدىڭلارمۇ يە؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: «ياق»، دەپ جاۋاب بېرىشتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنىڭ قىلىچلىرىغا قاراپ: «ئىككىڭلار تەڭ ئۇرۇپسىلەر»، دېدى ۋە (ئۇرۇشتىن كېيىن) ئەبۇ جەھىلدىن ئولجا ئېلىنغان نەرسىلەرنى مۇئاز ئىبنى ئەمرى ئىبنى جەمۇھ (مەزكۇر ئىككى يىگىتنىڭ بىرى) گە بۇيرۇپ بەردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ يەنە بىرى كېيىن جەڭ داۋامىدا مۇشرىكلار تەرىپىدىن شېھىد قىلىۋېتىلگەنىدى.

ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە مۇئاز ئىبنى ئەمر ئىبنى جەمۇھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن كىشىلەرنىڭ: ‹ئەبۇ جەھىلنىڭ قېشىغا ھېچكىم يېتىپ بارالمايدۇ›، دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم (چۈنكى ئۇ بۇ چاغدا نەچچە يۈزلىگەن مۇشرىكنىڭ قاتمۇ-قات نەيزە-قىلىچلىرىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن كۈچلۈك تۆمۈر رىشاتكا ئىستىھكامى بىلەن مۇداپىئەلىنىۋالغان ئىدى). مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەبۇ جەھىل بىلەن بىۋاستە بېرىپ ئېلىشىشنى بىردىنبىر نىشانىم قىلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈنلا كۈرەش قىلدىم. ھەتتا بىر چاغدا ماڭا ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئېلىشىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىۋىدى، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئېتىلدىم ۋە بىر قىلىچ ئۇرۇپلا ئۇنىڭ بىر پۇتىنى قاق پاچاقتىن ئۈزۈپ تاشلىۋەتتىم. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئۈزۈلگەن قىسمى بازغان ئاستىدىن ئۇچقان خورما ئۇرۇقچىسىغا ئوخشاش چاچراپ كەتتى». مۇئاز مۇنداق دەيدۇ: «بۇ چاغدا ئەبۇ جەھىلنىڭ ئوغلى ئىكرەمە ماڭا قىلىچ ئۇردى. ئۇنىڭ قىلىچى مۆرەمگىلا تەگكەن بولۇپ، بىر قولۇمنى مۆرەمدىن يېرىم ئاجرىتىۋەتتى، ئۇنى پەقەت بېقىنىمنىڭ ئازراق تېرىسىلا تۇتۇپ قالغان ئىدى. ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە قەتئىي مۇمكىن بولمىدى. پۈتۈن بىر كۈن ئاشۇ بىر قولۇمنى سۆرەپ يۈرۈپ جەڭ قىلدىم، ئاخىرى بولالماي ئېڭىشىپ تۇرۇپ كېسىلگەن قولۇمنىڭ ئۇچىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مەھكەم دەسسىدىم-دە بىر تارتقانچە ئۇنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتتىم. ئاندىن ئۇ (ئەبۇ جەھىل)نىڭ يېنىدىن مۇئەۋۋىز ئىبنى ئەفرا ئۆتۈپتۈ ۋە ئۇنى قىلىچلاپ ئازراق جېنىنى قۇيۇپتۇ، ئاندىن كىيىن يەنە داۋاملىق ئۇرۇشۇپ ئاخىرى شەھىد قىلىنىپ كېتىپتۇ.

ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن رەسۇلۇللاھ: «ئەبۇ جەھىلنىڭ قانداق بولغانلىقىغا كىم قاراپ باقىدۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى ئىزلەپ تەرەپ-تەرەپكە تارىدى. بىر چاغدا ئۇنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد تېپىۋالدى، ھالبۇكى ئۇ ئاخىرقى نەپەسلىرىدە جان تالىشىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللا ئىنى مەسئۇد ئۇنىڭ گەجگىسىگە دەسسەپ، قولى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ: «خوپ بولدىمۇ؟ ئى خۇدا دۈشمىنى» دېگەن. ئەبۇ جەھىل: «نېمىنى؟!، سىلەر مەندىن كاتتا ئادەمنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ (ياكى سىلەر ئۆلتۈرگەن ئادەمدىن كاتتا كىم بار؟) دېدى ۋە يەنە: «كاشكى مېنى دېھقاندىن باشقا بېرى ئۆلتۈرسىچۇ؟ » دېدى. ئۇ يەنە بىر دەم توختىۋالغاندىن كېيىن: «ئېيتە بۈگۈن ئاخىرقى ھېسابتا كىم غەلىبە قىلدى؟» دەپ سورىدى. ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد: «كىم غەلىبە قىلاتتى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى غەلىبە قىلدى، ئەلبەتتە»، دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، ئۇ ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇدقا (ئابدۇللا ئۇنىڭ گەجگىسىگە دەسسەپ يەرگە مىختاپ تۇرۇۋاتاتتى): «ئى پادىچى بالا، سەن مۇشۇ پۇرسەتكە نېمە دېگەن تەس ئىگە بولدۇڭ-ھە؟» دېدى. ئەسلىدە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مەككىدە ئىجارىگە قوي باقاتتى.

ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد بۇ گەپلەر تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ قىلىچ بىلەن گاچ قويۇپ ئەبۇ جەھىلنىڭ بېشىنى ئۈزۈۋالدى ۋە ئۇنى ساقىلىدىن كۆتۈرۈپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ مانا بۇ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشامنىڭ كاللىسى»، دەپ پوككىدە يەرگە تاشلىدى. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر»، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئاندىن تەشەككۇر ئېيتىپ: «ئاللاھۇئەكبەر(ئاللاھ ئۇلۇغدۇر)، گۈزەل مەدھىيە ۋە ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ بەندىسىگە (ماڭا دېمەكچى. — ت) ياردەم بەردى. كۈچلۈك قوشۇننى ئاللاھ ئۆزى مەغلۇپ قىلدى، يۈر ئۇنى ماڭا كۆرسەتكىن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بېرىپ ئۇنى كۆرسىتىپ قويۇۋېدىم رەسۇلۇللاھ: «بۇ ئەبلەخ مۇشۇ ئۇممەتنىڭ پىرئەۋىنى ئىدى»، دېدى.

بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىكى ئىماننىڭ كارامىتى

ئالدىنقى باپلاردا ئۇمەير ئىبنى ھۇمام بىلەن ئەۋف ئىبنى ھارس (ئىبنى ئەپرا)نىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىدىن ئىككىلا مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. ھەقىقەتەن بۇ جەڭدە ساھابىلەر ئاجايىپ روھ كېلىپ قالدى باتۇرلۇق ئىشلارنى كۆرسەتتى. ئاتىلار بالىلىرى بىلەن ئاكىلار ئۇكىلىرى بىلەن ۋە بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پىرىنسىپاللىق ئىختىلاپلارنى قوللىرىدىكى قىلچنى ۋە نەيزى كەسكىن ئايرىپ قويدى. ئىلگىرى زۇلۇمغا ئۇچرىغا ئۆز ئەندىنى ئېلىۋالدى.

1. ئىبنى ئىسھاق ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ساھابىلارغا ئۇرۇش داۋامىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ: «مەن جەزم قىلىمەنكى، بەنى ھاشىم جەمەتىدىن ۋە يەنە باشقا جەمەتلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەرگە مەجبۇرى ئېلىپ چىقىلدى. ئۇلارنىڭ بىز بىلەن ئۇرۇشقۇسى يوق، شۇڭا قايسى بىرىڭلار ئۇلارغا يولۇقۇپ قالساڭلار ئالدىراپ ئۆلتۈرۈپ قويماڭلار، كىمدە كىم ئەبۇلبەختەرى ئىبنى ھىشامغا يولۇقۇپ قالسا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن، ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپكە ئۇچراپ قالسا ئۇنىمۇ ئۆلتۈرمىسۇن، چۈنكى ئۇ زورلاپ ئېلىپ چىقىلدى»، دېگەن. بۇ چاغدا ئەبۇ ھۇزەيفە ئىبنى ئۇتبە: «بىز ئاتىلىرىمىزنى، ئوغۇل قېرىنداشلىرىمىزنى ۋە ئۇرۇق-جەمەتىمىزنى ئۆلتۈرىكەنمىز-يۇ، ئابباسنى ئۆلتۈرمەي ساق قويامدىكەنمىز؟ ئەزبىرايى خۇدا، ناۋادا مەن ئابباسقا ئۆزەم يولۇقۇپ قالسام، ئۇنى گۆش (ياكى قىلىچىمغا غىلاپ) قىلىۋېتىمەن»، دېدى. بۇ گەپ رەسۇلۇللاھقا ئاڭلىنىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا: «ئى ئەبۇ ھەفىسە (ئۆمەرنىڭ كونيەت ئىسمى)، رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسىغا قىلىچ ئۇرۇلسا بولامدۇ؟» دېدى، ئۆمەر: «ئى رەسۇلۇللاھ، ماڭا ئىجازەت قىلسىلا، مەن ئۇنىڭ بېشىنى ئالاي، ئۇ مۇناپىق بولاي دەپتۇ»، دېگەن. بۇنىڭ ئەبۇ ھۇزەيپە: «مەن شۇ گېپىمدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن، بۇ سۆزۈمگە پەقەت (ئاللاھ يولىدا شېھىد بولۇش كاپارەت بولارمىكى دەيمەن»، دېگەن. ئاخىر يەمامە ئۇرۇشىدا شېھىد بولغان.

2. رەسۇلۇللاھ ئەبۇلبەختەرىنى ئۆلتۈرۈشتىن توسۇشى، رەسۇلۇللاھ مەككىدىكى چېغىدا ئۇ كىشىلەرنى رەسۇلۇللاھقا ئەزىيەت قىلىشتىن توساتتى ۋە ئۆزىمۇ رەسۇلۇللاھقا ئازار بەرمەيتتى، قىسقىسى ئۇنىڭغا ئەبۇلبەختەرىدىن ئازراقمۇ يامانلىق كەلمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قۇرەيشلەرنىڭ بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتەللىپ جەمەتلىرىگە يۈرگۈزگەن ئىقتىسادى جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا يول ماڭغانلارنىڭ بىرى ئىدى.

لېكىن، ئەبۇلېختەرى شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. سەۋەبى: مۇجەززەر ئىبنى زىيادىلبەلەۋى ئۇرۇش جەريانىدا ئەبۇلبەختەرى بىلەن تىكلىشىپ قالدى. ئەبۇلېختەرى بىلەن ئۇنىڭ بىر سەپدىشى بىللە بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرىگە ھەمقام بولۇپ ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. مۇجەززەر دېدىكى: «ئى ئەبۇلبەختەر! رەسۇلۇللاھ بىزنى سېنى ئۆلتۈرۈشتىن توستى، شۇڭا سەن ئەبۇلبەختەرى: «ئەمىسە سەپدىشىم بىلەن بىللە قويۇۋەت» دەپ تۇرىۋالىدى. مۇجەززەر: «ياق ئەزبىرايى خۇدا، ئۇنى قويۇۋەتكىلى بولمايدۇ»، دېۋىدى، ئەبۇلبەختەر: «ئۇنداق بولسا ئىككىمىز بىرگە ئۆلىمىز»، دەپ قىلىچ سۇغاردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن قاتتىق ئېلىشتى، ئاخىرى موجەززەر ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

3. ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋف مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئالدىدا ئۇمەييە ئىبنى خەلەف بىلەن مەككىدىكى ئەڭ قەدىناس دوستلاردىن ئىدى. بەدرى ئۇرۇشىدا ئابدۇرەھمان ئۇمەييىنى ئۇچرىتىپ قالدى، ئۇ ئوغلى ئەلى ئىبنى ئۇمەييەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇراتتى.ئابدۇرەھماننىڭ يېنىدا مۇشرىكلاردىن ئولجا ئالغان بىر قانچە ساۋۇت بار بولۇپ ئۇ بۇ ساۋۇتلارنى يۈدۈۋالغانىدى. ئۇمەييە ئابدۇرەھماننى كۆرۈپلا: «مېنى ھىمايەڭگە ئېلىۋالمامسەن، مەن بۇ ساۋۇتلاردىن كۆپ پۇلغا يارايمەن. مەن بۈگۈنكىدەك دىشۋارچىلىق كۆرمىگەن، سۈت-قايماققا ھاجىتىڭلار يوقمۇ؟ (مېنى ئەسىر ئېلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان كىشىگە تۆگە تۆلەم بېرىمەن دىمەكچى) دېگىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇرەھمان قولىدىكى ساۋۇتلارنى تاشلىۋېتىپ ئۇمەييە بىلەن ئۇنىڭ ئوغلىنى ئالدىغا سېلىپ ئەسىر قېلىپ ماڭدى. ئابدۇرەھمان مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇمەييە بىلەن ئۇنىڭ ئوغلىنى ئىككى بېقىنىمغا ئېلىپ يېتىلەپ كېتىۋاتسام ئۇمەييە مەندىن: «ئاراڭلاردىكى مەيدىسىگە تۆگە قۇشنىڭ پېيىنى تاقىۋالغان كىشى كىم ئۇ؟» دەپ سورىدى، مەن:«ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ»، دېسەم، ئۇ: «بىزنى پالاكەتكە يۈزلەندۈرگىنى ئاشۇ ئادەم»، دېدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەزبىرايى خۇدا، مەن ئۇمەييەنى ئاتا-بالا يېتىلەپ كېتىۋاتاتتىم، توساتتىن ئۇنى بىلال كۆرۈپ قالدى. ئۇمەييە ئۇنى مەككىدە داۋاملىق ئازابلايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىلال: «كۇفرىنىڭ كاتتىۋېشى ئۇمەييە ئىبنى خەلەفمۇ؟ ئەزبىرايى خۇدا، ئەگەر ئۇ ساق قالىدىكەن، مەن بىلال بولماي كېتەي»، دېدى. مەن دىدىمكى: «ئى بىلال، بۇ دېگەن مېنىڭ ئەسىرلىرىم، ئۇنىڭغا چېقىلما دېسەم» ئۇ: «ئەگەر ئۇمەييە قۇتۇلۇپ قالىدىكەن، مەن بىلال بولماي كېتەي»، دەپ تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن: «ئاڭلاۋاتامسەن ئى قاراۋاش قېرىنىڭ بالىسى، بۇلار مېنىڭ ئەسىرلىرىم»، دېسەم بىلال يەنە: «ناۋادا ئۇمەييە ئۆلۈمدىن قوتۇلۇپ قالسا، مەن بىلال بولماي كېتەي»، دېدى-دە، جېنىنىڭ بارىچە توۋلاپ: «ئى ئەنسارىلار، كۇفرىنىڭ كاتتىۋېشى ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ھىمايىگە ئېلىنىۋالدى، ئۇ ھايات قالسا مەن بىلال بولماي كېتەي»، دەپ چۇقان كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈگۈرۈشۇپ كېلىپ بىزنى قورشىۋالدى. ھەتتا ئۇلار بىزنى قەپەسكە سولىۋالغاندەك قمىرلىماس قىلىۋەتتى. مەن ئۇنى كۈچۈمنىڭ بارىچە قوغداپ مۇداپىئە قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز ئارقىدىن بىرەيلەن ئۇمەييەنىڭ ئوغلىنىڭ پۇتىغا قىلىچ ئۇرۇپ ئۈزۈپ تاشلىدى، ئۇ گۈپپىدە يىقىلدى. ئۇمەييە ئوغلىنىڭ يىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق چىرقىراپ توۋلىۋەتتى، مەن ئۇنداق قەبىھ ئاۋازنى ئاڭلاپ باقمىغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئۆزەڭنى چەتكە ئالغىن، ساڭا ئارا تۇرالمىغۇدەكمەن، ئەزبىرايى خۇدا، ساڭا نىجاتلىق يوق ئىكەن» دېدىم. ئۇنىڭغىچە ئاللىقاچان ئۇلار بۇ ئاتا-بالا ئىككەيلەنگە قىلىچ ئۇرۇپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىپ بولدى».

ئابدۇرەھمان مۇنداق دەيتتى: «بىلالغا ئاللاھ رەھىم قىلسۇنكى، ئۇ مېنى ساۋۇتلىرىمدىن ئاجرىتىۋەتتى ۋە ئەسىرلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مېنى ھەسرەتتە قويدى».

زادولمەئاد دېگەن كىتابتا قەيت قىلىنىشىچە: «ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەف بۇ چاغدا ئۇمەييەگە ياتقىن» دېگەن. ئۇمەييە ياتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى ئۇمەييەنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قوغدىماقچى بولغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۇمەييەگە ئابدۇرەھماننىڭ يان-بېقىنلىرىدىن قىلىچ سانجىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكەن، ھەتتا بەزىلەرنىڭ قىلىچى ئابدۇرەھماننىڭ پۇتىغا تېگىپ كېتىپ، ئابدۇرەھماننى يارىلاندۇرۇپ قويغان.

5. شۇ كۈنى ئۇرۇش جەريانىدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ ئانا تەرەپ تاغىسى ئاس ئىبنى ھىشام ئىبنى مۇغىرە بىلەن ئۇدۇل كەپقېلىپ، ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

6. ئەبۇ بەكرى سىددىق ئوغلى ئابدۇراھماننى توۋلاپ (ئۇ شۇ كۈندىكى جەڭگە مۇشرىكلار تەرىپىدە تۇرۇپ قاتناشقانىدى): ئى خەبيىس! مال-مۈلۈكلىرىم قېنى؟»، دەپ سورىغانىدى، ئابدۇرەھمان ئاتىسىغا:

قالدى نەيزە، قالدى تۇلپار جەڭگاھتا مەن مىنگىلى،

قالدى شەمشەر، قالدى خەنجەر ئازغۇن قېرى ئۆلتۈرگىلى.

دەپ جاۋاب بەردى.

7. مۇھاجىرلار ئۆلتۈرۈشنى تاشلاپ ئۇچرىغاننى باغلاپ ئەسىر ئېلىشقا باشلىۋىدى (بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ قوماندانلىق شىتاپ ئىچىدە تۇرۇۋاتاتتى. سەئەد ئىبنى مەئاز شىتاپ دەرۋازىسى ئالدىدا قىلىچنى تۇتۇپ مۇھاپىزەتچىلىك قىلىۋاتاتتى)، رەسۇلۇللاھ سەئەدنىڭ چىرايىدا ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقىغا نارازىلىق ئىپادىسىنى كۆرۈپ قالدى-دە: «ئى سەئەد، ئۇلارنىڭ بۇ قىلغانلىرىغا نارازى بولۇۋاتامسەن؟» دەپ سورىدى، سەئەد «شۇنداق ئى رەسۇلۇللاھ، بۇ ئاللاھنىڭ مۇشرىكلارغا بەرگەن تۇنجى زەربىسى بولغاندىكىن، مېنىڭچە بۇلارنى رەھىم قىلماي ئۆلتۈرۈش ئۇلارنى ھايات قالدۇرغاندىن كۆپ ياخشى ئىدى»، دېدى.

8. شۇ كۈنى ئۇرۇش داۋامىدا ئۇكاشە ئىبنى مىھسەننىڭ قىلىچى سۇنۇپ كېتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بىر دانە ياغاچ چوماقنى تۇتقۇزۇپ: «ئى ئۇكاشە، مانا بۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلغىن»، دېگەنىدى، ئۇكاشە ھېلىقى ياغاچ چوماقنى ئېلىپ بىر شىلتىۋىدى، چوماق ئۇنىڭ قولىدا ئۇزۇن، پارقىراق، پولات تىغلىق شەمشەرگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇكاشە ئۇرۇش ئاخىرلاشقىچە شۇ شەمشەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇنى كېيىن «ئەۋن» (ياردەم) دەپ ئاتىغانىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇكاشە شۇ شەمشەر بىلەن نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشتى، ھەتتا ئۇ ئەبۇ بەكرىنىڭ دەۋرىدىكى «مۇرتەدلەر ئۇرۇشى»دا شېھىد بولغاندىمۇ ئاشۇ شەمشەر ئۇنىڭ قولىدا ئىدى.

9. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير ئەبدەرى مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭگە قاتناشقان قېرىندىشى ئەبۇ ئەزىز ئىبنى ئۇمەير ئەبدەرىگە ئۇچراپ قالدى. بىر ئەنسارى ئۇنىڭ قولىنى باغلاپ يالاپ ئېلىپ كېتىۋاتاتتى، مۇسئەب ئەنسارىغا: «ئۇنىڭ قولىنى ئوبدان باغلىغىن، ئانىسى پۇلدار خوتۇن، ساڭا تۆلەم بېرىپ قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ»، دېدى. ئەبۇ ئەزىز مۇسئەبكە: «مۇشۇمۇ قان-قېرىنداشلارنىڭ بىر- بىرىگە دەيدىغان سۆزىمۇ؟» دېگەنىدى، مۇسئەب: «ئۇ (يەنى ئەنسارى) مېنىڭ قېرىندىشىم، سەن بىلەن قېرىنداش ئەمەسمەن»، دېدى.

10. رەسۇلۇللاھ مۇشرىكلارنىڭ جەسەت-تاپىلىرىنى قۇدۇق-ئورەكلىرىگە تاشلىۋېتىشكە بۇيرىدى. ئۆلۈكلەر قاتارىدا ئۇتبە ئىبنى رەبىئە (ئەبۇ ھوزەيفنىڭ ئاتىسى)مۇ سۆرەپ ئەكىلىپ قۇدۇققا تاشلاندى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئەبۇ ھۇزەيفىنىڭ چىرايىدا ئۆزگىچە غەمكىنلىك ئالامەتلىرىنى سەزدى-دە، ئۇنىڭدىن: «ئاتاڭنىڭ ئەھۋالىغا ئىچىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟» دەپ سورىدى. ئەبۇ ھۇزەيفە: «ياق، ئەزبىرايى خۇدا، ئۇنداق ئەمەس، مەن ئاتامنىڭ بۇ ھالىغا ۋە ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە باشقىچە قارىمايمەن، لېكىن مەن ئاتامنى ئەقىللىق ھەم پازىل كىشى دەپ قارايتتىم، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ خىسلىتى ئۇنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىپ ئەكىرەر دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. مەن ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى شۇنچە ئارزۇ قىلغىنىمنىڭ ئەكسىچە ئۇنىڭ كۇفرى يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ قايغۇردۇم»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا خەيرىلىك دۇئا قىلدى ۋە چىرايلىق تەسەللىي بەردى.

ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەر

ئۇرۇش مۇشرىكلارنىڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. مۇسۇلمانلاردىن ئون تۆت ئادەم شېھىد بولدى، ئۇلارنىڭ ئالتىسى مۇھاجىر، سەككىزى ئەنسارى ئىدى. ئەمما مۇشرىكلار ئەڭ زور چىقىم تارتتى. ئۇلاردىن 70 كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، 70 كىشى ئەسىرگە ئېلىندى. ئۇلارنىڭ تولىسى ھەربى قوماندان ۋە كاتتىۋاشلار ئىدى.

ئۇرۇش چاڭ-توزاڭلىرى پەسىيىپ جەڭ مەيدانى ئېچىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ شىتاپ ئۆيىدىن سالماق قەدەم بىلەن چۈشۈپ كېلىپ، ئۆلۈكلەرنىڭ يېنىدا توختىدى ۋە: «سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلارغا قىلغان مۇئامىلەڭلار نېمە دېگەن قوپال ئىدى-ھە؟ سىلەر مېنى ئىنكار قىلدىڭلار، باشقىلار ئېتىراپ قىلدى، سىلەر مېنى تاشلىۋەتتىڭلار باشقىلار ياردەم بەردى، سىلەر مېنى يۇرتۇمدىن چىقىرىپ تاشلىدىڭلار، باشقىلار مېنى ئارىغا ئېلىپ جاي بەردى»، دېدى، ئاندىن بۇيرۇق بېرىپ ئۆلۈكلەرنى بەدرى قۇدۇقلىرىدىن بىر قۇدۇققا تاشلاتقۇزۇۋەتتى.

ئەبى تەلھە رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «بەدرى كۈنى رەسۇلۇللاھ بۇيرۇق بېرىپ قۇرەيش كاتتىۋاشلىرىدىن 24 ئادەمنىڭ ئۆلۈكىنى بەدرىنىڭ سېسىق-مەينەت قۇدۇقلىرىدىن بىر قۇدۇققا تاشلاتقۇزۇۋەتتى. ئۇ بىر قەۋم ئۈستىدىن غالىب كەلسە شۇلارنىڭ مەھەللىسىدە ئۈچ كۈن تۇراتتى. بۇ قېتىممۇ ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، ئۈچىنچى كۈنى بولۇۋىدى، تۆگە-ئۇلاغلىرىنى توقۇشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن تۆگىلەر توقۇلۇپ تەييارلاندى، ئاندىن ئۇ تۆگىسىنى يېتىلەپ ماڭدى، ساھابىلەر ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى، ھەتتا بىر چاغدا ھېلىقى قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ توختىدى ۋە ئۆلۈكلەرنى ئىسىم-فامىلىسى بىلەن قوشۇپ چاقىرىپ: «ئى پالانىنىڭ ئوغلى پۇستانى ۋە پۇستانى ئوغلى پالانى، ئەمدى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلمىغىنىڭلارغا خۇشال بولۇۋاتامسىلەر؟ بىز رەببىمىزنىڭ ۋەدىسىنىڭ راسلىقىنى بىلدۇق، سىلەرمۇ رەببىڭلارنىڭ ۋەدىسىنىڭ راستلىقىنى بىلدىڭلارمۇ؟» دېدى.

ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ جانسىز جەسەتلەرگە گەپ قىلىپ نېمە قىلىسەن؟»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇلار تېخى سىلەردىنمۇ ئوبدانراق ئاڭلايدۇ، لېكىن جاۋاب قايتۇرالمايدۇ»، دېدى.

مەغلۇبىيەت خەۋىرى مەككىگە يىتىپ باردى

مۇشرىكلار بەدرىدىن پىتراپ كەتكەن پاتىدەك ئىنتايىن چاۋالچاق ۋە تەرتىپسىز، ھالەتتە قاچقانىدى، ئۇلار چوڭقۇر ئويمانلىق ياكى تاغ جىلغىلىرىغا قاراپ، ئەقلى-ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا بۆرىدىن ئۇككەن تاغ ئۆچكىلىرىدەك گاھىدا توپلىشىپ گاھىدا پاتپاراق بولۇپ جەنۇب تەرەپكە ماڭدى. ئۇلار نومۇستىن مەككىگە قانداق كىرىشنى بىلمەيتتى.

ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: «قۇرەيشلەرنىڭ مەغلۇبىيەت خەۋىرىنى مەككىگە تۇنجى بولۇپ ئېلىپ كىرگەن كىشى ھەيسىمان ئىبنى ئابدۇللاھ خۇزائى بولدى. ئۇ مەككىگە كىرىۋىدى، كىشىلەر يىغىلىپ: «كەينىڭدىكىلەر قېنى؟» دەپ سوراشتى. ھەيسىمان ئىنتايىن ھالسىرىغان ھالدا: «ئۇلار يوق، ئۇتبە ئىبنى رەبىئە، شەيبە ئىبنى رەبىئە، ئەبۇلھەكەم (ئەبۇجەھىل) ئىبنى ھىشام، ئۇمەييە ئىبنى خەلەفلەر ئۆلتۈرۈلدى»، دەپ قۇرەيش كاتتىلىرىدىن بىر قانچە كىشىنى تىلغا ئالدى.

ھەيسىمان قۇرەيش كاتتىلىرىدىن بەدرىدە ئۆلتۈرۈلگنلەرنى: «پالانى ئۆلتۈرۈلدى، پۇستانى ئەسىر ئېلىنىپ كېتىلدى»، دەپ بىر-بىرلەپ ساناپ بەرگىلى تۇرىۋىدى، سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە (ئۇ بۇ چاغدا كەئبىنىڭ ھىجرى دېگەن تەرىپىدە ئولتۇرۇۋاتاتتى): «ئەزبىرايى خۇدا، بۇ ئەقلىدىن ئېزىپ قاپتۇ. ئۇنىڭدىن مېنى سوراپ بېقىڭلار»، دېدى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن: «سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە قانداق بولدى؟»، دەپ سورىۋىدى، ھەيسىمان: «مانا سەفۋان دېگەن ئاۋۇ ھىجرىدە ئولتۇرۇۋاتمامدۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنىڭ ئاتىسى ۋە قېرىندىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم»، دەپ سەفۋاننى چۆچۈتۈۋەتتى.

ئەبۇ رافىئە (رەسۇلۇللاھنىڭ ئازاتگەردىسى) مۇنداق دېگەن: «مەن ئەسلىدە ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ قۇلى (چاكىرى) ئىدىم. بىزنىڭ ئائىلىگە ئىسلام خېلى بۇرۇنلا نۇر چاچقان ئىدى. ئابباس، ئوممۇلفەزلى ۋە مەن ئاللىبۇرۇن مۇسۇلمان بولغانىدۇق. بىراق، ئابباس ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. بەدرى ئۇرۇشىدا ئابباسنىڭ قېرىندىشى ئەبۇلەھەب ئۇرۇشقا چىقماي مەككىدە قېلىپ قالغانىدى. ئۇ ھەيسىمان ئېلىپ كەلگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ يەر بىلەن تەڭ بولۇپ كەتتى ۋە قاتتىق خورلۇق ھېس قىلىپ ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى. بىز كۆڭلىمىزدە خۇشال بولدۇق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ۋە شەرەپ ھېس قىلدۇق. مەن تېنىم ئاجىز بىر قۇل بولۇپ، پەقەت ئاياقچىلىق ھۈنىرىم بىلەن شۇغۇللىناتتىم. ئۇنى مەن زەمزەم قۇدۇقىنىڭ يېنىدىكى بىر ھۇجرىدا ئويۇپ سۈپەتلەيتتىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن شۇ كۈنى ئاشۇ ھۇجرىدا ئۆز ھۈنىرىم بىلەن مەشغۇل ئىدىم. يېنىمدا ئۇممۇلفەزلى (ئابباسنىڭ ئايالى) ئولتۇراتتى. ئىككىمىز قىزىق ھېلىقى خەۋەرنى دېيىشىپ ئولتۇراتتۇق. ئۇشتۇمتۇت ئەبۇ لەھەب ئىنتايىن غەمكىن ھالدا ئېغىر قەدەملەر بىلەن سېلىپ، پايپاسلاپ كەلدى ۋە ھۇجرىنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى. مەن ھۇجرىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ كەينىدىلا تۇرۇۋاتاتتىم. ئاشۇ پۇرسەتتە كىشىلەر ئۇنىڭغا: «مانا بۇ ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھارىس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ قايتىپ كەپتۇ»، دېيىشتى. تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ: «بۇياققا كەل ئوغلۇم! جەزم قىلىمەنكى، سەن ھەر قاچان ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھارىس ئەبۇ لەھەبنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئادەملەر سانجاق-سانجاق بولۇپ ئەتراپتا ئۆرە تۇراتتى. ئەبۇ لەھەب ئۇنىڭغا: «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى (ئەبۇ لەھەب بىلەن مۇشۇ ئەبۇ سۇفياننىڭ دادىسى ھارىس ئانا بىر قېرىنداشلار ئىدى)، مۇشۇ ئادەملەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇپ كەتتى؟ ماڭا ئەينەن بىر سۆزلەپ بەرگىنە»، دېدى. ئەبۇ سۇفيان: «قانداق بولاتتى؟ بىز ئۇلارغا ئاۋۋال قول سالدۇق، ئارقىدىن بولالماي دۈمبىمىزنى تۇتۇپ بەردۇق. ئۇلار خالىغانچە چېپىپ، خالىغانچە ئەسىر ئالدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن شۇنداقتىمۇ گۇناھنى ھەرگىز ئۆز ئادەملىرىمىزگە قويمايمەن، چۈنكى بىز ئاسماننىڭ قەھرىدە چىلان تورۇق ئاتلارغا مىنىۋالغان) ئاق تونلۇق يوچۇنلا ئادەملەر بىلەن ئۇرۇشتۇق، ئۇلارغا ھېچ نەرسە كار قىلمايدىكەن ۋە تەڭ كېلەلمەيدىكەن»، دېدى.

ئەبۇ رافىئە مۇنداق دەيدۇ: «گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەن ھۇجرىنىڭ پەردىسىنى ئۆرۈپ تۇرۇپ: ‹ئەزبىرايى خۇدا، ئاشۇلار چوقۇم پەرىشتىلەر› دېدىم. ئەبۇ لەھەب قولىنى شىلتىپ ئېڭىكىمگە قاتتىق بىرنى ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ئېتىلدىم. ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتتى. ئاندىن ئاستىغا بېسىپ ئۇرغىلى تۇردى. ئۇنىڭغا كۈچۈم يەتمىدى. بۇ چاغدا ئۇممۇلفەزلى ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجرىنىڭ ياغاچلىرىدىن بىر بالداقنى قولىغا ئالدى-دە، ئۇنىڭ بىلەن ئەبۇ لەھەبنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ ئۇنى يارىلاندۇردى ۋە: «ئۇنى خوجايىنى يوق دەپ بوزەك قىلماقچىمۇ-سەن؟» دەپ ئىزا ياغدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ لەھەب بېشىنى تۇتقان ھالدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قايتىپ كەتتى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ شۇنىڭدىن 7 — 8 كۈندىن كېيىن ئەدەس كېسىلى گە مۇپتىلا بولۇپ ئۆلدى (ئەدەس كېسىلى ئەرەبلەر شۇم پال ئالىدىغان بىر خىل قەبىھ جاراھەت كېسىلى بولۇپ، ھەتتا ئۇنى ئەۋلادلىرىمۇ تاشلىۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈكى شۇ پېتى ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالدى. ئاخىر بولماي كىشىلەر ئۇنى ئۆلگەن يېرىدىن يېقىن بىر جايغا ئورەك كولاپ تاياق-توقماقلار بىلەن ئىتتىرىپ تاشلاپ، تاش-كېسەكلەر بىلەن كۆمۈۋەتتى)

مەككىلىكلەر بەدرى جەڭ مەيدانىدىكى پاجىئەلىك مەغلۇبىيەت خەۋىرىنى مانا مۇشۇنداق خورلۇق ۋە قايغۇ-ئەلەم ئىچىدە تاپشۇرۇۋالدى ۋە بۇ ئىش ئۇلارغا ئىنتايىن ئېغىر كەلدى. ھەتتا ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ خوشال بولۇپ كۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئۆلۈكلىرىگە يېغلاشنى ۋە مەرسىيە ئوقۇش، يىغلاشنى چەكلىدى.

ھەممىدىن قىزىق بولغىنى شۇكى، مەككىلىك ئەسۋەد ئىبنى مۇتەللىپ دېگەن كىشىنىڭ ئۈچ ئوغلى بەدرىدە تولۇق ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئۇ ئوغۇللىرىغا يىغلاپ مەرسىيە ئوقۇپ، كۆڭۈل پۇخسىنى چىقىرىۋالغۇسى كېلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۆزى كور ئەما كىشى ئىدى. بىر كېچىسى ئۇ بىر خوتۇننىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى-دە، چاكىرىغا: «دەرھال بېرىپ يىغلاشقا رۇخسەت قىلىنىپتىمۇ؟ ئۇقۇپ كەلگىن، مەنمۇ (ئوغلۇم) ئەبۇ ھەكىمگە يىغلىۋالاي، مېنىڭ ئىچ ئەزالىرىم كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتتى»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن چاكار بېرىپ: «ئۇ دېگەن تۆگىسى يوقاپ كەتكەن خوتۇن ئىكەن، شۇنىڭغا يىغلاۋېتىپتۇ»، دەپ جاۋاب ئېلىپ كېلىۋىدى، ئەسۋەد ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ۋە مۇنۇ مەرسىيەنى ئوقۇدى:

تۆگەڭ ئازغانغا يىغلامسەن، ئۆزۈڭنى قىلىپ بىدار،

تۆگە ئەمەس بەدرىگە يىغلاش كېرەك زارۇ-زار،

بەنى ھەسيىس ۋە مەخزۇم ئەبۇلۋەلىد جەمەتى،

بەدرىدە بولدى ھالاك ئۇلار ئەمەسمىدى سەردار.

بۆلۈم: “بەدرىدە بولدى ھالاك ئۇلار ئەمەسمىدى سەردار.”

يىغلاشقا كېرەك بولسا يىغلاڭ سىز ئۇقەيلىمغا،

ھارىسقا ئوقۇپ مەرسىي ئىش-ئىزىنى قىلىپ ئىزھار.

ھەممىگە يىغلاش كېرەك نامىنى قىلىپ تەسمى،

بولۇپمۇ ئەبۇلھەكىم تەڭداشسىز ئىدى زىنھار.

ئۇلاردىن كېيىن بۇ دۇنياغا خوجا بولدى يوچۇن ئەللەر،

ئەگەر بولمىسا بەدرى ئۇلار بولماس ئىدى سەردار.

غەلىبە بىشارەتلىرى مەدىنىگە يېتىپ كەلدى

ئۇرۇش غەلىبىلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ مەدىنە خەلقىگە ئالدىن خۇشخەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىككى بېشارەتچىنى يولغا سالدى. ئۇلارنىڭ بىرى ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە مەدىنىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە، يەنە بىرى زەيد ئىبنى ھارىس مەدىنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئەۋەتىلدى.

بۇ ئىككى بىشارەتچى مەدىنىگە كەلگىچە يەھۇدىيلار ۋە مۇناپىقلار ئۆزئارا ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، مەدىنىدە ئېغىر ئەنسىزلىك ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرگەنىدى. ھەتتا ئۇلار ھېچقانداق ئاساسسىزلا: «مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلۈپتۇ»، دېگەن شۇم خەۋەرنى تارقاتتى. بىر مۇناپىق زەيد ئىبنى ھارىسنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ قەسۋا دېگەن تۆگىسىگە مىنىپ يىراقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «مەن دېمىدىممۇ؟ مۇھەممەد چوقۇم ئۆلۈپتۇ، مانا ئاۋۇ ئۇنىڭ بىز بىلىدىغان تۆگىسى، ئۈستىدە زەيد ئىبنى ھارىس قورقۇنچىدىن نېمە دېيەرىنى بىلەلمەي روھى سۇنۇق، بېشى تۆۋەن كېلىۋاتمامدۇ؟» دېدى.

ئەلچىلەر يېتىپ كېلىۋىدى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ، خۇشخەۋەرلەرنى ئېغىز-ئېغىزغا تېگىشمەي ئاڭلاشقا باشلىدى. ئاڭلىغانلار ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزەتتى، ئاخىر ئۇلارنىڭ كۆڭلى تىندى، ئامما شاد-خۇراملىققا چۆمدى ۋە مەدىنە كوچىلىر- ىنىڭ ھەممە يېرىدە تەكبىر ساداسى ۋە تەھلىل ساداسى ياڭرىدى.

(مەدىنىدە قالغان) مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرى تەشكىللىنىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بەدرى يولىغا قاراپ ئاتلاندى. ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ئوسمان ئىبنى ئەففاندىكى قىزى رۇقىيەنى دەپنە قىلىۋاتقاندا ھېلىقى خۇشخەۋەرنى ئاڭلىدۇق. رەسۇلۇللاھ مېنى ئوسمان بىلەن بىللە قىزى رۇقىيىنىڭ كېسىلىگە قاراشقا قالدۇرغانىدى»، دېگەن.

ئىسلام قوشۇنى مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى

جەڭ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ بەدرىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ، تۆتىنچى كۈنى ئەتىگەن قوزغالماقچى بولۇۋىدى، يولغا چىقىش ئالدىدا قوشۇن ئىچىدە غەنىمەت توغرىلىق ئىختىلاپ يۈز بەردى. بۇ ئىختىلاپ بارغانسېرى كۈچەيگىلى تۇردى، رەسۇلۇللاھ قوشۇنغا قوللىرىدىكى بارلىق غەنىمەتلەرنى ئومۇمغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ئاندىن بۇ ھەقتە ۋەھىي نازىل بولدى.

ئۇبادە ئىبنى سامىت (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، مۇنداق دېيىلگەن: «بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن چىقىپ بەدرى ئۇرۇشىنى قىلدۇق، ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېلىشتۇق، ئاخىر ئاللاھ دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىپ بەردى. بۇ چاغدا بىر بۆلۈك كىشىلەر دۈشمەننى قوغلاپ زەربە بېرىشكە كىرىشتى، يەنە بىر بۆلۈك كىشىلەر دۈشمەن تاشلاپ قاچقان مال-مۈلۈكلەرنى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەربىي قورال-ياراقلىرىنى يىغىشقا باشلىدى. ئۈچىنچى بىر تۈركۈمدىكىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي ئۇنى دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن قوغدىدى. ھەتتا بىر چاغدا كەچ كىرىپ ھەممەيلەن جەم بولۇۋىدى، غەنىمەت-ئولجىلارنى يىغىپ توپلىغانلار: «غەنىمەتنى بىز يىغىپ جۇغلىدۇق، بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ھەققى يوق»، دېيىشتى. دۈشمەننى قوغلاپ چىقىپ كەتكەنلەر: «غەنىمەتكە بىز ئەڭ ھەقلىق، چۈنكى دۈشمەننى بىز چېكىندۈردۇق، باشقىلانىڭ ‹تەييارغا ھەييار› بولۇۋېلىشى دۇرۇس ئەمەس»، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھنى قوغداپ تۇرغانلار: «بىز رەسۇلۇللاھقا دۈشمەن تۇيۇقسىز قول سېلىشتىن ئەنسىرەپ بۇ يەردە قېلىپ قاپتۇق»، دېيىشتى. دەل مۇشۇ چاغدا ئاللا ۋەھىي نازىل قىلىپ: ﴿يسېلونك ىن الانفال ط قل الانفال للھ والرسول ج فاتقوا اللھ واپلچوا ۇات بينكم پ واطيىوا اللھ ورسولھ ان كنتم مۋمنين﴾ «(ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ) غەنىمەتلەر (نى قانداق تەقسىم قىلىشىڭ) توغرىلىق سەندىن سورىشىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: ‹غەنىمەتلەر (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار (ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇپ) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار، ئەگەر سىلەر مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار»، («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 1- ئايەت) دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ غەنىمەتلەرنى يىغىۋېلىپ مۇسۇلمانلارغا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەقسىم قىلىپ بەردى.

بەدرىدە ئۈچ كۈن تۇرغاندىن كېيىن قوشۇن مەدىنىگە قاراپ قوزغالدى. ئەسىرلەر ياندا يالاپ بىرگە ئېلىپ مېڭىلدى ۋە مۇشرىكلاردىن تارتىۋېلىنغان غەنىمەتلەرگە ئابدۇللاھ ئىبنى كەئىب مەسئۇل قىلىندى. رەسۇلۇللاھ بەدرى ۋادىسىدىن چىقىپ سەفرا جىلغىسىدىن ئۆتۈپ سەپرا بىلەن نازىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۈزلەڭلىككە چۈشۈۋىدى، بۇ يەردە غەنىمەتلەردىن بەشتىن بىرىنى ئايرىۋېلىپ، مۇجاھىدلارغا باپباراۋەر تەڭشەپ تەقسىم قىلىپ بەردى.

سەفرائغا يېتىپ بارغاندا رەسۇلۇللاھ نەزرى ئىبنى ھارىسنى ئۆلۈمگە بۇيرىدى. (نەزرى ئىبنى ھارىس بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا مۇشرىكلار قوشۇنىنىڭ ئەلەمدارى ۋە قۇرەيش كافىرلىرىنىڭ كاتتىۋېشى بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئىلگىرى ئىسلام دىنىغا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىنتايىن ئېغىر كۈلپەت يەتكۈزگەن ۋە ئەشەددى دۈشمەنلىك). شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ قىلىچ بىلەن چېپىپ ئىجرا قىلدى.

ئاندىن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىرقى زەبيە دېگەن جايغا يېتىپ كېلىۋىدى رەسۇلۇللا قوشۇننى توختىتىپ ئۇقبە ئىبنى ئەبى مۇئەيتنى ئۆلۈمگە بۇيرىدى. ھەممىگە مەلۇمكى ( ئالدىنقى بابلاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك) ئۇقبە ئىبنى ئۇمەيتنىڭ رەسۇلۇللاھ ئەلەيـھىسالامغا قىلغان ئەزىيەت-كۈلپەتلىرى ھەددى-ھېسابسىز ئىدى. ئۇ بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ (مەككىدىكى چېغىدا) كەئبە يېنىدا نامازدا سەجدىگە باش قويغىنىدا تۆگىنىڭ قېرىنلىرىنى ئەكېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ بوينىغا ئارتىپ قويغان بەدبەختىن دەلئ ۆزى شۇ. يەنە بىركۈنى بېلىدىكى پوتىسى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ گېلىنى بوغۇپ ئەبۇبەكرى توسۇۋالمىغان بولسا رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرۋەتكىلى تاسلا قالغانمۇ شۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرىۋىدى، ئۇ: «ئى مۇھەممەد! كىچىك نارەسىدە بالىلىرىمنى كىمگە قالدۇرىسەن؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «دوزاخقا»، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنى سابىت ئىبنى ئاسىم ئۆلتۈردى. يەنە بىر سۆزدە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئۆلتۈرگەن، دېيىلىدۇ.

بۇ ئىككى جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەربىي ئىنتىزام نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالغانىدى. چۈنكى، ئۇلار ئەسىرلەر قاتارىدىكى ئىككى ئەسىرلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقى زامان ئاتالغۇسى بويىچە ئېيتقاندىمۇ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كاتتىۋاشلىرىدىن ئىدى.

تەبرىك ئەلچىلىرى

رەسۇلۇللاھ رەۋھاغا يېتىپ كەلگەندە (مەدىنىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن چىققان) مۇسۇلمانلارنىڭ ئەلچىلىرىگە يولۇقتى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن قىزغىن تەبرىك سادالىرىنى ياڭراتتى. بۇ چاغدا سەلىمە ئىبنى سەلامە دېگەن ساھابە ئۇلارغا: «بىزنى نېمىگە تەبرىكلەيتتىڭلار؟ بىز پەقەت جانسىز جەسەتتەك پاينەكۋاش قېرى خوتۇن كەبى ئادەملەر بىلەن ئېلىشتۇق، خالاس»، دېگەنىدى. رەسۇلۇللاھ كۈلۈپ سالدى ۋە: «ئۇلار دېگەن تولۇق قوراللانغان كۈچلۈك ئادەملەر، بۇرادەر!» دەپ قويدى.

ئۆمەك ئەزالىرىدىن ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير: «ئى رەسۇلۇللاھ! خۇداغا شۈكرى، ئۇ ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىپتۇ ۋە سېنى خۇشال قايتىپ كەلگىلى نېسىپ ئېتىپتۇ. ئى رەسۇلۇللاھ! بىز سېنى كارۋاننى توسقىلى چىقىپ كەتتى، دەپ ئويلاپتۇق، دۈشمەن بىلەن تۇتۇشۇپ قالار دېمەپتۇق، ئۆزۈمنى ئالسام سېنىڭ دۈشمەن بىلەن قوراللىق تۇتۇشۇپ قېلىشىڭنى بىلسەم ئىدىم، ھەرگىز ئايرىلىپ قالمايتتىم»، دېگەنىدى. رەسۇلۇللاھ: «راست ئېيتىسەن»، دېدى.

ئاندىن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ مەدىنىگە غەلىبە قىلغان ۋە زەپەر قۇچقان ھالدا كىرىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭدىن مەدىنە ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر قورقۇپ ئەيمىنىدىغان بولدى. مەدىنە ئاھالىسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەتتا شۇ كۈنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ۋە ئۇنىڭ يان تاياقلىرىمۇ كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان بولغان بولۇپ قويدى.

رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە يېتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئەسىرلەرمۇ ئېلىپ كېلىندى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى ساھابىلەرگە تارقىتىپ بەردى ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر ئۆزى خورما، مېۋە-چىۋىلەرنى يەپ ئەسىرلەرگە ئاش-نان بېرىپ باقتى.

ئەسىرلەر مەسىلىسى

رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ساھابىلەرگە ئەسىرلەر توغرىسىدا مەسلىھەت سالدى. ئەبۇ بەكرى مۇنداق دېدى: «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇلار ئۆز تاغىلىرىمىز ۋە ئۆز قەۋمى-قېرىنداشلىرىمىز، مېنىڭچە ئۇلاردىن تۆلەم ئېلىپ قويۇۋەتسەكمىكىن، ئۇ بىز ئۈچۈن بىر ئوبدان مەبلەغ بولۇپ قالغۇدەك، كۈچىمىزنى تولۇقلىۋالغۇدەكمىز. بۇلارنىمۇ ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ ياخشى ئادەم بولۇپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس».

رەسۇلۇللاھ ئۆمەرگە قاراپ: «سەن قانداق قارايسەن؟ ئى ئىبنى خەتتاب!» دەپ سورىدى. ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن مەن تۇرۇپ: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئەبۇ بەكرىدەك قارىمايمەن، مەن شۇنداق قارايمەنكى، ماڭا پالانىنى بەرگىن (ئۇ ئۆزۈمنىڭ يېقىن بىر تۇغقىنى ئىدى)، ئۇنى ئۆزۈم ئۆلتۈرەي، ئەلىيغا ئۇقەيل ئىبنى ئەبۇ تالىبنى بەرگىن، ئۇنى ئەلى ئۆلتۈرسۇن، ھەمزىگە ئۇنىڭ قېرىندىشى پالانىنى (ئابباسنى دېمەكچى) بەرگىن، ئۇنى ھەمزە ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلغاندا، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ دىلىمىزدا مۇشرىكلارغا قارىتا قىلچە يول قويۇش مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كاتتىۋاش ئەمەلدارلار ۋە ئالدى پەش، ئوت قۇيرۇقلار دېدىم.

شۇنداقتىمۇ رەسۇلۇللاھ ئەبۇ بەكرىنىڭ پىكرىگە مايىل بولۇپ، مېنىڭ پىكىرىمنى قوللىمىدى ۋە ئۇلاردىن تۆلەم تۆلىتىپ ئالدى. ئەتىسى ئەتىگەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بارسام ئۇ ئەبۇ بەكرى بىلەن يىغلاۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئىككىڭلار نېمىشقا يىغلايسىلەر؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، يىغلىغۇدەك بولسا مەنمۇ يىغلارمەن، يىغا تاپالمىسام، كۆزۈمنى يىغىغا زورلارمەن»، دىسەم، رەسۇلۇللاھ: «ماڭا سېنىڭ ئاشۇ سەپداشلىرىڭ ئەسىرلەردىن تۆلەم ئالغانلىقى سەۋەبىدىن كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەر ئۈچۈن يىغلايمىز، ماڭا ئۇلارنىڭ ئازاب قىلىنىۋاتقانلىقى مۇشۇ دەرەختىن يېقىن يەردە كۆرسىتىلدى»، دېدى (يېقىن بىر دەرەخنى كۆرسىتىپ).

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿ما كان لنبي ان يكن لھ اسراۈ چتۈ يڭخن فۈ الارگ ط تريدون ىرگ الدنيا ق واللھ يريد الاخرە ط واللھ ىزيز چكيم﴾ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ ھەيۋىسىنى يوقۇتۇپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ) ئەسىرلەردىن فىدىيە ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۇئمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ (ئوچۇق چەكلىمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 68-، 69- ئايەتلەر)

بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەزەلىيسى» ئاللاھنىڭ ﴿فاما منّا بىد وإمّا فداء﴾ «ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار»، («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇھەممەد 4- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن سۆزىدىكى ھۆكۈم ئىدى. بۇنىڭدا ئەسىرلەردىن فىدىيە ئېلىشقا رۇخسەت بار ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنى ئازابقا دۇچار قىلىنمىدى. پەقەت تاپا-مالامەتكە يولۇقتى. چۈنكى، ئۇلار زېمىندا كۆپرەك ئۆلتۈرۈپ، مۇشرىكلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرماي تۇرۇپ، كۇففارلارنى ئەسىر ئېلىشقا تۇتۇشۇپ كەتتى. ئاندىن ئۇلار يەنە بۇ جىنايەتچى ئۇنسۇرلاردىن فىدىيە ئېلىشنى راۋا كۆردى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت ئۇرۇش ئەسىرلىرىلا ئەمەس، بەلكى تېخى ھازىرقى زامان ئاتالغۇسى بىلەن ئېيتساق، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئىدى. بۇنداقلارنى ھازىرقى زامان ئۇرۇش قانۇنىمۇ قەتئىي سوتلايدۇ ۋە جازا ئىجرا قىلىدۇ. بۇلارغا كۆپىنچە ھاللاردا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ ئەلۋەتتە.

دېمەك ئاخىرقى كېڭەش نەتىجىسى ئەبۇ بەكرىنىڭ رايىغا قارار تاپتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن فىدىيە ئېلىپ قويۇۋەتتى. فىدىيە مىقدارى 4 مىڭ دەرھەمدىن 3 مىڭ دەرھەم ئارىلىقىدا بولدى. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1000 دەرھەم تۈلىدى. مەككىلىكلەر خەت يازالايتتى. شۇڭا ئەسىرلەر ئىچىدىن تۆلەم تۆلەشكە ئىقتىسادى يەتمەيدىغانلار مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھەر بىرىگە ئون ئۆسمۈرنى تۇتقۇزۇپ بېرىلىپ، ئۇلار ئاشۇ ئۆسمۈرلەرگە خەت يېزىش ۋە ئوقۇشنى پىششىق ئىگىلەتكەندىن كېيىن قويۇۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە رەسۇلۇللاھ يەنە بىر قانچە ئەسىرگە ئالاھىدە كەچۈرۈم ئىلتىپات قىلىپ، تۆلەمسىز قويۇۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇتەللىپ ئىبنى ھەنىتەپ، سەيفى ئىبنى ئەبۇ رىفائە ۋە ئوھۇد ئۇرۇشىدا يەنە ئەسىرگە چۈشۈپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان (تەپسىلاتى كېيىن كېلىدۇ) ئەبۇلئىززە جۇمەھىلەرمۇ بار ئىدى.

رەسۇلۇللاھ يەنە كۈيئوغلى ئەبۇلئاسقا زەينەبنىڭ يولىنى بوشىتىپ قويۇش شەرتى بىلەن كەچۈرۈم قىلدى. زەينەب ئېرىنىڭ فىدىيە ھەققىنى تۆلەش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا مال-ماتا ئەۋەتكەنىدى. ئۇ ئەۋەتكەن ماللار ئىچىدە ئۇنىڭ توي كۈنى ئانىسى خەدىچە بوينىغا ئېسىپ قويغان بىر تال مونچاقمۇ بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ مونچاقنى كۆرۈپ، قاتتىق ئىچى سېرىلدى ۋە ساھابىلەردىن ئەبۇلئاسنى فىدىيىسىز قويۇۋېتىشنى ئۆتۈندى. ساھابىلەر قوشۇلغاندىن كېيىن ئۇنى زەينەبنى مەدىنىگە يولغا سېلىۋېتىش شەرتى بىلەن قويۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇلئاس مەككىگە بېرىپلا زەينەبنى يولغا سېلىۋەتتى. زەينەب ھىجرەت قىلىپ چىقتى. رەسۇلۇللاھ زەيد ئىبنى ھارىس بىلەن ئەنسارلاردىن بىر ئادەمنى زەينەبنىڭ ئالدىغا چىقارتىپ: «سىلەر بەتنى يەئجەج دېگەن يەرگە بېرىپ، زەينەبنى ساقلاپ تۇرۇڭلار، ئۇ مەككىدىن چىقسا ھەمراھ بولۇپ ئېلىپ كېلىڭلار»، دېگەنىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى ۋە ئۇنى مەدىنىگە ئېلىپ كەلدى. لېكىن، زەينەبنڭ سەپەر جەريانى قىيىن ھەم مۈشكۈل بولدى.

ئەسىرلەر ئىچىدە يەنە قۇرەيشلەرنىڭ يېتىشكەن ناتىقى سۇھەيل ئىبنى ئەمرىمۇ بار ئىدى. نۆۋەت بۇنىڭغا كەلگەندە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: «ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا رۇخسەت قىلسىلا، مەن سۇھەيلنىڭ ئىككى چىشىنى سۇغۇرۇۋالاي، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى بىر سورۇندا ۋالاقلاپ ساڭا تىل ئۇزىتىپ يۈرمىسۇن»، دېگەنىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ تەلەپكە قوشۇلمىدى. چۈنكى، بۇنداق قىلىش مۇسىلە قىلغانلىق يەنى تەن جازاسى بەرگەنلىك بولاتتى. بۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىش ئىدى.

شۇ مەزگىللەردە يەنە سەئەد ئىبنى نوئمان دېگەن كىشى مەككىگە ئۆمرى ھەجگە بارغان بولۇپ، ئەبۇ سۇفيان ئۇنى تۇتقۇن قىلىۋالغانىدى. ئەبۇ سۇفياننىڭ بىر ئوغلى ئەمرى ئىبنى ئەبۇ سۇفيان مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا ئەسىر ئىدى. شۇڭا، مۇسۇلمانلار ئۇنى ئەمرى ئىبنى ئەبۇ سۇفيانغا ئالماشتۇردى.

»قۇرئان كەرىم« بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ھەققىدە توختالدى

شۇ ئەسنادا، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلغان ھالدا سۈرە ئەنفال نازىل بولدى. بۇ سۈرە مۇشۇ ئۇرۇشقا قارىتا ئېلان قىلىنغان ئىلاھى ئوبروز (ئەگەر مۇشۇنداق ئاتاش توغرا بولسا) بولۇپ، ئادەتتىكى پادىشاھ ۋە قوماندانلارنىڭ غەلىبىدىن كېيىن ئېلان قىلىدىغان بايانات ۋە ئوبروزلىرىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ.

ئالايلى، ئاللاھ بۇ باياناتىدا بىرىنچى قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ۋە كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىشىغا تىرىشسۇن ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نەزىرىنى ئۇلاردا ساقلىنىۋاتقان ۋە ھەم سادىر بولۇۋاتقان كەمچىلىكلەرگە ۋە ئەخلاقىي مەسىلىلەرگە قاراتتى.

ئاندىن ئىككىنچى قىلىپ، ئاللاھ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلارغا ئىلتىپات قىلغان زور غايىبى ياردەم ۋە مەدەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شىجائەت ۋە جاسارىتىگە ئىشىنىپ كېتىپ، مەغرۇرلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق پاتقىقىغا پېتىپ قالماسلىققا، بەلكى ھەممە ئىشتا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ قانلىق توقۇنۇشقا قەدەم قويۇشىدىكى يۈكسەك غايە ۋە ئۇلۇغۋار نىشانلارنى بايان قىلدى ھەمدە ئۇلارغا جەڭ مەيدانلىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋە غەلىبە قازىنىشقا سەۋەب بولىدىغان ئالىيجاناپ سۈپەتلەر ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى تونۇشتۇردى.

ئۈچىنچى قەدەمدە مۇشرىكلار، مۇناپىقلار، يەھۇدىيلەر ۋە رىجىم ئاستىدىكى ئەسىرلەرگە خىتاب قىلىپ، ناھايىتى بەلىغ سۆز ئىپادىلەر بىلەن ئۇلارغا چىرايلىق ۋەز-نەسىھەتلەرنى قىلىدى. ئۇلارنى ھەقىقەتكە تەن بېرىپ ۋە ئەمەلىيىتىگە بويسۇنۇپ تىنچلىق يولىنى تاللاشقا يېتەكلەۋاتىدۇ.

ئارقىدىن مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا غەنىمەت توغرۇلۇق سۆز قىلىپ، بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار پرىنسىپ ۋە قائىدە-قانۇنلارنى بايان قىلىدى. ئاندىن ئۇلارغا يەنە ئسىلام دەۋىتى ئۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئىسلامى غازات ۋە جىھادلارنى جاھىلىيەتچە ئۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىقلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان جەڭ مەيدانىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەرنى تونۇشتۇردى. ئۇلاردا ئەخلاق، قىممەت قاراش ۋە ياخشى ئىش ھەرىكەتلەردە ئۈلگە تىكلەش روھىنى يېتىلدۈرىدىغان ۋە خەلقى ئالەمگە ئىسلام دىنى قۇرۇق نەزەرىيىۋى يوليورۇقلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئېتىقادچىلارنى ئۆزى تەشەببۇس قىلغان قائىدە-قانۇن ۋە پرىنسىپلار بىلەن ئەمەلىي تەربىيىلەيدىغان ئىلغار، قانۇن-تۈزۈملىرى مۇكەممەل دىن ئىكەن، دېگەننى ئوقتۇردى، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق دەۋرىگە جىددىي زۆرۈر قانۇن-نىزاملارنى بايان قىلدى ۋە يولغا قويۇلدى.

ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلام دۆلىتى تەۋەلىكىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار بىلەن چېگرا سىرتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئىسلام دۆلىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ قوشۇمچە ماددىلىرىنى بېكىتىپ بەردى ۋە ئۇنى ئېلان قىلدى.

يەنە شۇ يىلى يەنى ھىجىرىيىنىڭ 2- يىلى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى ۋە پىترى سەدىقىسىنى ئادا قىلىش بەلگىلەندى ھەمدە باشقا پەرز-زاكاتلارنىڭ ئۆلچەم-ئەندىزىلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ سەدىقە پىترى ۋە باشقا پەرز زاكات قاتارلىق مەجبۇرىي ۋە يېرىم مەجبۇرىي ئىقتىسادىي ۋەزىپىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى تىجارەت ۋە كەسىپ قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن نۇرغۇن كەمبەغەل مۇھاجىرلار ۋە مۇساپىرلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقنى يەڭگىللەتتى.

مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە قالتىس خۇشاللىق بەخش ئەتكەن ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلارنىڭ بىرى ئۇلار ئۈچۈن بەدرى غازىتىدا قولغا كەلگەن غايەت زور غەلىبىنىڭ ئارقىسىدىنلا شەۋۋال ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن روزى ھېيت بايرىمى بولدى. بۇ ھېيت بايرام ئاللاھ تەبارەك ۋە تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا غەلىبە ۋە ئىززەت تاجىسىنى كەيگۈزگەندىن كېيىنلا ئىلتىپات قىلغان ئەڭ مەنىلىك ۋە خۇشال-خۇرام ھېيت بولغانىدى.

مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئىلتىپات قىلغان نېئمەتلىرىگە، ئاتا قىلغان غەلىبە-نۇسرەتلىرىگە ۋە ئۇلارنى مۇنۇ ئايىتىدە ﴿واۇكروا اۇ انتم قليل مستگىفون في الارگ تخافون ان يتخطفكم الناس فاواكم و ايدكم بنپرھ و رزقكم من الطيبات لىلكم تشكرون﴾ «ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار)نىڭ تالان-تاراچ قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى. (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى غەنىمەتلەر)نى رىزىق قىلىپ بەردى». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 26- ئايەت) دەپ ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقىغا قاتتىق سۆيۈنۈپ، ئۆيلىرىدىن تارتىپ تەكبىر ۋە تەھلىل سادالىرىنى ياڭرىتىپ داغدۇغىلىق كەيپىياتى ئىچىدە ئادا قىلغان ئاشۇ ھېيت نامىزى نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك ھەم ھوزۇرلۇق … ھە!

بەدرى غازىتى بىلەن ئۇھۇد غازىتى ئارىلىقىدىكى ھەربىي پائالىيەتلەر

بەدرى غازىتى تارىختا مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قوراللىق توقۇنۇش شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى پۈتۈن ئەرەبلەرگە ئېتىراپ قىلدۇرغان بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ مەيدانى بولدى. بۇ جەڭ مەيدانىدىكى غەلىبە مېۋىسىدىن شۇملۇق ھېس قىلغۇچىلار يەنىلا جەڭگاھتا تالاپەتكە يولۇققان مۇشرىكلار ۋە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت ۋە غەلىبىسىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە ئىقتىسادى تومۇرىغا ئۇرۇلغان ئۆتكۈر نەشتەر دەپ قارايدىغان يەھۇدىيلار بولدى، ئەلۋەتتە. شۇڭا، بۇ ئىككى سىنىپ دۈشمەن كۈچلەر شۇ كۈندىن ئېتىبارەن مۇسۇلمانلارغا قارىتا غەزەپ ئوتىدا لاۋۇلداپ كۆيۈپ، دەرد-ئەلەم چوغلىرىدا يۇمۇلىنىشقا باشلىدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ﴿لتجدن اشد الناس ىداوە للۇين امنوا اليھود والۇين اشركوا …﴾تەرجىمىسى «(ئى مۇھەممەد!) يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۇئمىنلەرگە ھەممىدىن قاتتىق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن…» («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 81- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) مەدىنە ئىچىدە بولسا ئاشۇ ئىككى سىنىپ دۈشمەننىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئوت قۇيرۇق غالچىلىرى بار ئىدى. ئۇلار ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا تۇتقان پوزىتىسىيىسى ئالدىنقى ئىككى سىنىپنىڭكىدىن ھەرگىز قېلىشمايتتى.

بۇ يەردە يەنە تۆتىنچى تۈركۈمدىكى بىر پىرقە قارا كۈچلەرمۇ خەۋپ بولۇپ تۇرماقتا ئىدى. ئۇلار مەدىنە ئەتراپى رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان بەدەۋى ئەرەبلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىمان-كۇفرى دېگەنلەر بىلەن كارى يوق. ئۇلار پەقەت بۇلاش-تالاش ۋە قاراقچىلىق قىلىشقىلا ئادەتلەنگەن. شۇڭا، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ غەلىبىسىنى كۆرۈپ، ساراسىمىگە چۈشتى ۋە مەدىنىدە كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرۇلۇپ قېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قاراقچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىنى توسۇپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ، مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا باشلىدى. ھەتتا ئەمەلىي دۈشمەنلىشىش مەيدانىغا ئۆتتى.

خوش، مانا مۇشۇنداق ھەر خىل خەۋپ-خەتەرلەر مۇسۇلمانلارنى ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالدى. لېكىن، بۇ سىنىپلارنىڭ تاللىغان يولى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ. ھەر بىر پىرقە ئۆزلىرىنىڭ نىشان-مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس بىر خىل يول ۋە بىر خىل مەسلەكنى تاللىغانىدى. مەدىنە ئىچىدىكى مۇناپىقلار كۆرۈنۈشتە ئىسلامنى ئىزھار قىلىپ، ئاستىرىتتىن ئىسلام دىنىغا قارشى سۈيقەست، ھىيلە-مىكىر، قۇتراتقۇلۇق ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر پەيتتە، بىر بۆلۈك يەھۇدىيلار قەستەنگە ئۆچەكىشىپ، دۈشمەنلىشىش ۋە قارشىلىشىش يولىنى تۇتتى.

مەككە دائىرلىرىمۇ «كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ، ئىنتىقامىمىزنى ئالىمىز»، دەپ داۋراڭ سېلىپ، ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش تەييارلىقى چاقىرىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە مۇسۇلمانلارغا ،

جاھان بىر كۈن بىزگىمۇ قىلۇر ئالدىنى،

ياۋلار بىزنىڭ-ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

دەپ يازدى.

ئەمەلىيەتتىمۇ، ئۇلار مەدىنە تەۋەسىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ باستۇرۇپ كېلىپ، تارىختىكى ئۇھۇد ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئۇھۇد ئۇرۇشى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان بىر مەيدان جەڭ بولدى. مۇسۇلمانلار مانا مۇشۇنداق خەۋپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاجايىپ مۇھىم روللارنى ئوينىدىكى، بۇنىڭدا رەسۇلۇللاھنىڭ يۈكسەك ھەربىي قۇماندانلىق قىلىش تالاتتى، سىياسىي مەسىلىلەرگە نىسبەتەن يۇقىرى سەزگۈرلۈكى ۋە مۇشۇ خەۋپ-خەتەرلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دانا تەدبىر قوللىنىدىغان ئۆتكۈر ئەقىل-پاراسىتى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى. تۆۋەندىكى قۇرلار شۇنىڭ كىچىكلىتىلگەن تەسۋىرلىرىدۇر. نەزەر سالغايسىز!

بەنۇ سۇلەيم غازىتى

رەسۇلۇللاھ بەدرى غازىتىدىن قايتىپ كېلىپ، — غەتەفپان قەبىلىسىنىڭ بەنۇ سۇلەيم جەمەتىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن كۈچ تەشكىللەۋاتقانلىقىدىن شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ 200 ئاتلىق قوشۇن بىلەن ئۇلار توپلىنىۋاتقان يەرگە ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ باردى ۋە كىدر دېگەن جايدىكى قارارگاھقىچە ئىچكىرىلەپ كىردى. بۇ چاغدا بەنۇ سۇلەيم خەلقى يايلاقتىكى 500 دەك تۆگە-چارۋىلىرىنى تاشلاپ، ئاللىبۇرۇن جېنىنى جايلاپ تىكىۋېتىشكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ماللارغا مەدىنە تەرەپ ئىگىدارچىلىق قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن بەشتىن بىرىنى ئايرىپ بولغاندىن كېيىن قوشۇن ئىچىدە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. ھەر بىر جەڭچىگە ئىككىدىن تۆگە تەگكەنىدى. رەسۇلۇللاھقا يەسار ئىسىملىك بىر قۇل تەقسىم بولغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئازاد قىلىۋەتتى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.