Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

3-قىسىم: ئىسرا ۋە مىئراج، ئەقەبە بەيئەتلىرى ۋە مەدىنىگە ئۇلۇغ ھىجرەت

This content is not yet available in your language.

رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن مەدىنىگە قايتتى. بۇ غازات ھىجرىيىنىڭ 2- يىلى شەۋۋال (10- ئاي) ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بەدرى ئۇرۇشىدىن قايتىپ كىرىپ يەتتە كۈنىدىن كېيىن بولغانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۆز ئورنىغا مەدىنىدە سىبائ ئىبنى ئەرفەتەنى قالدۇرغان. يەنە بىر سۆزدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنى قالدۇرغان دېيىلىدۇ.

ئەمەلگە ئاشمىغان سۈيقەست

مۇشرىكلار بەدرى ۋەقەسىدە پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە يولۇققانلىقتىن غەزەپ ئوتىدا تاراسلاپ كۆيۈۋاتاتتى. پۈتكۈل مەككىدىن رەسۇلۇللاھقا قارىتا قازاندەك قاينىماقتا ئىدى. ئاخىرى مەككىنىڭ قارام تەلۋىلىرىدىن ئىككى نوچى بۇلارنى بۇ جەڭگىچە ۋە خورلۇق ۋە ئارنومۇسقا دوچار قىلغان. ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنى پىلانلىدى.

ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق بولدى: بەدرى ۋەقەسىدىن ئازغىنىدىن كېيىن ئۇمەير ئىبنى ۋەھەبىلجۇمەھى سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە بىلەن كەئبىنىڭ ھىجرى دېگەن يېرىدە ئولتۇرۇپ كەچلىك پاراڭغا چۈشتى. ئۇمەير رەسۇلۇللاھقا تولا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ئوت قۇيرۇقى شەيتانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى ۋەھەب ئىبنى ئۇمەير بەدرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇلار پاراڭ داۋامىدا بەدرى پاجىئەسىنى ۋە قۇدۇققا تاشلاپ كۆمۈۋېتىلگەنلەرنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلەشتى. سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە مۇنداق دېدى: «ئەزبىرايى خۇدا، بىزنىڭ ھايات قالغىنىمىز چوقۇم ياخشى بولدى». ئۇنىڭغا جاۋابەن ئۇمەير ئىبنى ۋەھەب: «راست دەيسەن، ئىلاھىم! مەن قەسەم قىلالايمەنكى، ناۋادا مېنىڭ زىممەمدە نۇرغۇن قەرزلىرىم بولمىغان ھەم بالا-چاقىلىرىمنىڭ خانىۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىگەن بولسا، مەن مۇھەممەدنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولاتتىم. چۈنكى، مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىشىمغا تولۇق باھانەم (ئاساسىم) بار. ئوغلۇم ئۇلارنىڭ قولىدا ئاسارەتتە تۇرماقتا»، دېدى. بۇ چاغدا سەفۋان بۇ ئالتۇن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلدى-دە: «ئۇنداق ياخشى نىيىتىڭ بولسا، قەرزلىرىڭ مېنىڭ ئالدىمدا قالسۇن، ئۇنى مەن ئادا قىلىۋېتەي، بالا-چاقاڭغا كەلسەك، ئۇنى مەن ئۆز بالا-چاقىلىرىمغا ئوخشاش كۆرەي ياكى ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ئاتىدارچىلىق قىلاي، ئۇلارنىڭ ھەر قانداق ئىشى مېنىڭ زىممەمگە قالسۇن…»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمەير ئۇنىڭغا: «ئۇنداق بولسا، بۇ ئىشنى قەتئىي سىر تۇتقىن، ۋۇجۇدقا چىققۇچە ئىككىمىزدىن ئۆزگە ئىنسى-جىن ئۇقمىسۇن»، دېدى. سەفۋان: «ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن»، دېدى. ئۇلار بۇ سۈيقەست پىلانىنى ئىنتايىن مەخپىي رەۋىشتە پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇمەير قىلىچىنى ئاليىتەن جىكىلەپ، چاقلاتتى ۋە كۈچلۈك زەھەر بىلەن سۇغۇرۇپ، قىنىغا سالدى. ئاندىن يولغا چىقىپ، ئۈن-تۈنسىز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرى مەدىنىگە يېتىپ كەلدى. ئۇمەير مەدىنىدە ئۇدۇل مەسجىدۇننەبەۋىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مەسجىد دەرۋازىسى ئالدىغا تۆگىسىنى چۆكتۈرۈۋاتاتتى، ئۇنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (بۇ چاغدا ئۆمەر بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار بىلەن جەڭ ۋە جىھاد ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى) كۆرۈپ قالدى ۋە: «خۇدانىڭ دۈشمىنى ئىت — ئۇمەير چوقۇم ياخشى نىيەت بىلەن كەلمىدى»، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىرىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئۇمەير قىلىچى ئېسىقلىق كەپتۇ»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا باشلاپ كىرگىن»، دېدى. ئۇنىڭغىچە ئۇمەير رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىگە ماڭغانىدى. ئۆمەر ئۇنىڭغا قىلىچىنى تەڭلەپ توختىتىپ قويدى ۋە ئەنسار يىگىتلىرىدىن بىر قانچەيلەنگە: «سىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىرىپ تۇرۇڭلار ۋە بۇ خەبىستىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇنىڭدىن ئەمىن بولغىلى بولمايدۇ»، دېدى. ئاندىن ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى كۆرۈپ (ئۆمەر تېخىچە ئۇنىڭ گەجگىسىگە قىلىچىنى تەڭلەپ تۇراتتى): «ئۇنى قويۇۋەت ئى ئۆمەر! ئۇمەير! سەن يېقىنراق كەل»، دېدى. ئۇمەير رەسۇلۇللاھقا يېقىن كېلىپ: «خەيرلىك سەھەر مۇھەممەد!» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئى ئۇمەير، ئاللاھ بىزگە سېنىڭ بۇ سالىمىڭدىن ياخشىراق بىر سالامنى ئىلتىپات قىلدى — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم — بۇ جەننەت ئەھلىنىڭ سالىمىدۇر»، دېدى. ئاندىن ئۇنىڭدىن: «نېمە دەپ كەلدىڭ؟»، دەپ سورىدى. ئۇمەير: «سىلەر تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئاشۇ ئەسىرنى دەپ كەلدىم، ئۇنىڭغا ئېھسان قىلىپ قويۇۋەتسەڭلار»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق بولسا يېنىڭغا قىلىچ ئېسىپ كەلگىنىڭنىڭ نېمىسى؟»، دەپ سورىدى.

ئۇمەير: «مۇنداق قىلىچلارنى دات بېسىپ كەتكەي ئىلاھىم، بۇ قاغىش تەككۈر قىلىچلار بىزگە نېمە كارغا كەلدى»، دەپ جاۋاپ بەردى. رەسۇلۇللاھ: «راست گەپ قىل! زادى نېمە دەپ كەلدىڭ؟» دېگەنىدى. ئۇمەير: «راست ئېيتتىم، مەن پەقەت مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا كەلدىم، خالاس»، دەپ تۇرۇۋالدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق ئەمەستۇ؟ بەلكى سەن سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە بىلەن ھىجرىدە ئولتۇرۇپ بەدرىدە قۇدۇققا تاشلاپ كۆمۈۋېتىلگەنلەرنى ئەسلەشكەنسەن، ئاندىن سەن گەدىنىمدە قەرزىم بولمىغان بولسا، كىچىك بالىلىرىمنىڭ خانىۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن قورقمىغان بولسام، ئەلۋەتتە مەدىنىگە بېرىپ مۇھەممەدنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولاتتىم، دېگەنسەن. شۇنىڭ بىلەن سەفۋان مېنى چوقۇم ئۆلتۈرۋېتىش شەرتى بىلەن سېنىڭ زىممەڭدىكى قەرزلىرىڭنى ۋە بالا-چاقىلىرىڭنىڭ نەپىقاتىنى ئۈستىگە ئالغاندۇ؟ ئاندىن سەن كۆڭلۈڭنى تىندۇرۇپ بوياققا كەلگەنسەن؟ بىلىپ قويغىنكى، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈچىنچى شەخس ئۇقمىغان بۇ سىرىڭلارنى ماڭا يەتكۈزۈپ قويدى»، دېدى. ئۇمەير بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھقا قاراپ: «ئى مۇھەممەد! مەن سېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭگە ئەمدى ئىقرار قىلدىم. ئى رەسۇلۇللاھ! سەن بىزگە يەتكۈزگەن ئاللاھنىڭ ۋەھىيلىرىنى يالغان دەپ ئىنكار قىلىپ كەپتىكەنمىز، بۇ قېتىمقى ئىشىمىزنى مەن ۋە سەفۋاندىن ئۆزگە ئىنسى-جىن ئۇقمىغانىدى. ئەمدى بىلدىمكى، بۇنى ساڭا چوقۇم ئاللاھ خەۋەر قىلىپ قويۇپتۇ. خۇداغا شۈكرى ئۇ مېنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىپتۇ ۋە مېنى مۇشۇ يەرگە ئۆزى سۆرەپ ئېلىپ كەپتۇ»، دېدى. ئاندىن كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدىلا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى. رەسۇلۇللاھ: «بۇ قېرىندىشىڭلارغا دىندىن تەلىم بېرىڭلار، قۇرئان ئۆگىتىپ قويۇڭلار ۋە ئەسىرىنى قويۇپ بېرىڭلار»، دېدى.

ئەمما، سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە مەككىدە بەدرى پاجىئەسى تىلغا ئېلىنسىلا، ئاغزىنى تاتلىق قىلىپ، تولۇق ئىشەنچ بىلەن: «ئاز قالدى، بۈگۈن ياكى ئەتە بەدرىدىكى قانلىق ئار-نومۇسنى ئاقلايدىغان بىر خۇشخەۋەر يېتىپ كېلىدۇ»، دەپ ئۇلارغا تەسەللىي بېرەتتى. كىشىلەر بۇنىڭ نېمە گەپ ئىكەنلىكىنى سورىسا: «بولغاندا كۆرۈڭلار، ھازىر ۋاقتى ئەمەس»، دەپ ئۇلارنى تەقەززالىقتا قوياتتى. ئۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھېچ خۇشخەۋەرگە ئىگە بولالمىغاندىن كېيىن شىمال تەرەپتىن كەلگەن كارۋانلاردىن ئۇمەير توغرىلۇق خەۋەر ئىگەللىدى ۋە ئۆتكەن-كەچكەنلەردىن سوراشقا باشلىدى. ئاخىر بىر كۈنى مەدىنە تەرەپتىن كەلگەن بىر يولۇچى ئۇمەيرنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە كېچە-كۈندۈز مەسجىدتىن چىقماي ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. سەفۋان بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا مەڭگۈ گەپ قىلماسلىققا ۋە ئەبەدى نەپ يەتكۈزمەسلىككە قەسەم ئىچتى. ئازراقتىن كېيىن ئۇمەير مەككىگە قايتىپ كېلىپ كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىپ تۇرۇپ قالدى ۋە ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن خەلق مۇسۇلمان بولدى.

بەنى قەينۇقا غازىتى

رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قەدەم تەشرىپ قىلغاندىن كېيىنلا يەھۇدىيلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنامە ماددىلىرىنى بىز ئالدىنقى بابلاردا تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتتۇق. شۇنىڭدىن بېرى رەسۇلۇللاھ بۇ كېلىشىمنامىدىكى پرىنسىپلارغا باشتىن-ئاخىر قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلدى. مۇسۇلمانلار تەرەپتىن بۇ كېلىشىمگە خىلاپ بىرمۇ غەيرى ئەھۋال كۆرۈلمىدى. لېكىن، ئۆز تارىخىنى ئالدامچىلىق، خىيانەتكارلىق ۋە ئۆز قولى بىلەن تۈزگەن ئەھدى-پەيمانلىرىغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن خىلاپلىق قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن توشقۇزۇۋەتكەن، بۇ يەھۇدىيلار ئۇزاق ئۆتمەي «ئەسكى، تاز كولاسى»نى قايتا كىيىپ قوپتى ۋە ئىچكەن سوغۇق سۇلىرى ئاسانلا ئۆز ئەكسىنى تارتىپ يەنە سۈيقەست، ھىيلە-مىكىر، ئىغۋاگەرچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق يولىنى تۇتتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك سېپىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىشقا باشلىدى. تۆۋەندە ئۇنىڭدىن بىر ئەمەلىي مىسالنى كۆرۈڭ!

يەھۇدىيلارنىڭ سۈيقەستلىرىدىن ئەمەلىي بىر مىسال

ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىيلاردىن شاس ئىبنى قەيس (ئۇ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي مۇسۇلمانلارغا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چىدىماي كەتكەن قارا نىيەت كاپىر ئىدى) رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن ئەۋس، خەزرەج قەبىلىلىرىدىن بولۇپ بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ خاتىرجەم، كەڭىكۇشادە پاراڭلىشىپ، ئوچۇق-يۇرۇق ئولتۇرۇشقان بىر مەجلىسىدىن ئۆتۈپ قالدى، بۇ ھالەت ئۇنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇردى. چۈنكى، تېخى تۈنۈگۈنلا ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ، قىرغىن قىلىشىپ يۈرىدىغان ئىككى قەبىلە ئادەملىرى مانا بۈگۈن ئىسلامغا مۇشەررەپ بولۇش بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق كەيپىياتتا خۇشال-خۇرام ئولتۇرماقتا ئىدى. ئۇ كۆڭلىدە: «بۇ زېمىندىكى يەرلىك خەلق (ئەرەبلەرنى دېمەكچى) ئىتتىپاقلىشىپ قاپتۇ، بۇ بولماپتۇ، ئەزبىرايى خۇدا، ئۇلار بىرلىشىپلا قالىدىكەن بىزگە بۇ يەردە كۈن يوق»، دېگەن ئويغا كەلدى-دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىدىكى بىر يەھۇدىي يىگىتنى بۇيرۇپ: «سەن ئاۋۇلارنىڭ مەجلىسىگە بېرىپ بىر دەم ئولتۇرغىن، نۆۋىتى كەلگەندە گەپ قىستۇرۇپ «بۇئاس» پاجىئەسى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يېغىلىق كۈنلەرنى ئەسلەپ ئۆتكىن ۋە شۇنىڭغا ئائىت شېئىر-ئەشئارلارنى ئوقۇپ قويغىن»، دېدى. ھېلىقى يىگىت بېرىپ ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىۋىدى، كىشىلەرنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ كەتتى. بىرسى بۇنى، بىرسى ئۇنى دەپ تالاش-تارتىشقا چۈشتى ۋە ئۇ كۈنلەردە كىم كىملەرنى بەك قىرغانلىقلىرىدىن پەخىرلەندى، ھەتتا ئېشىپ-تېشىپ ئىككى تەرەپتىن ئىككى ئادەم مەيدانغا چىقىپ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ قاتتىق دېيىشىپ قالدى. ئۇلارنىڭ زاكۇنلىشىشلىرى تەرەققىي قىلىپ، ئاخىر بىرسى: «خالىساڭلار ئۇنىڭغا (ئۇرۇشقا) بىز تەييار»، دەپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ غەزىپىنى بېسىشالماي: «زاھىردا كۆرۈشەيلى، زاھىردا كۆرۈشەيلى (زاھىر مەدىنە سىرتىدىكى بىر تاشلىق ساي ئىدى) دېيىشىپ قورال-ياراغ، قىلىچ-نەيزىلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇ يەرگە ئاتلاندى (ۋە ئۇرۇش پارتلىغىلى تاسلا قالدى).

ئۇنىڭغىچە بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھقا ئاڭلانغانىدى. شۇڭا، ئۇ يېنىدا بار بولغان مۇھاجىر ۋە ئەنسارى ساھابىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلار سەپ تارتىپ تۇرۇشقان يەرنىڭ ئۈستىگىلا يېتىپ كەلدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! ئىھ خۇدا، ئىھ خۇدا، ئاللاھ سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان ۋە ئىسلام بىلەن ھۆرمەتلىگەن تۇرسا، جاھىلىيەتتىكى ئىشلارنى ئاللىبۇرۇنلا تۈگىتىۋەتكەن ۋە ئەڭ مۇھىمى سىلەرنى كۇفرىدىن خالاس قىلىپ، دىللىرىڭلارنى ئىسلام نۇرى بىلەن يورۇتقن تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تېخى ئاراڭلاردا ھايات تۇرسام، مۇشۇنداق نادانلارچە جاڭجاللىشامسىلەر؟» دەپ كايىدى. نەتىجىدە كۆپچىلىك بۇنىڭ ھەممىسى شەيتاننىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە ئادىمى شەيتان — دۈشمەنلەرنىڭ سۈيقەستى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى-دە، پۇشايمان قىلىشىپ كۆز يېشى قىلىشتى ۋە ئەۋس، خەزرەج ئىككى قەبىلىنىڭ ئادەملىرى ئۆزئارا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئەپۇ سوراشتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە دىللىرىدا قىلچە غەم-غۇدۇر قالمىغان ھالەتتە قايتىپ كىرىشتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىن خۇدانىڭ دۈشمىنى شاس ئىبنى قەيسنىڭ سۈيقەست ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنىدى.

مانا بۇ يەھۇدىيلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئەمەلىي سېلىۋاتقان ۋە سېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ھەمدە ئىسلام دەۋىتى يوللىرىغا توسالغۇ پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇتراتقۇلۇق ۋە ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەمەلىي بىر مىسالدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە خىلمۇخىل چارە-تەدبىرلىرى بار ئىدى. ئۇلار يالغان، تەتۈر تەشۋىقاتلارنى تارقىتاتتى. ئىمانى ئاجىز مۇسۇلمانلار دىلىغا شەك ۋە گۇمان ئۇرۇقلىرىنى تېرىش ئۈچۈن ئەتىگىنى مۇسۇلمان بولۇپ، كەچقۇرۇنى يېنىۋالاتتى. ئىقتىسادىي مۇئامىلىسى بار كىشىلەر مۇسۇلمان بولسا ئۇنى ھەر جەھەتتىن قىساتتى. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ بولسا ئەتە-ئاخشىمى سۈيلەپ ئاماننى زامانغا بەرمەي ئالاتتى. ئۇنىڭدا بولسا، بەرگىلى ئۇنىماي ھارام يەۋالاتتى ۋە: «سەن ئەجدادىڭنىڭ دىنىدىكى ۋاقتىڭدا سېنىڭ بىزدە ھەققىڭ بار ئىدى، ئەمما ئەمدى سەن ئۆز دىنىڭنى تاشلىۋەتكەندىن كېيىن بىر نەرسەڭ يوق»… دەپ باھانە كۆرسىتەتتى.

يەھۇدىيلار مۇشۇ يولسىزلىقلارنىڭ ھەممىسىنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئىمزالاشقان كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا بەدرى غازىتىنىڭ ئالدى-كەينىدە قىلىۋەرگەنىدى. رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابە-كىراملار بۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ھىدايەت تېپىشىغا ئۈمىد باغلاپ ۋە مەدىنە رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى كۆزلەپ چىشىنى چىشلەپ سەبرى قىلىپ كەلدى.

بەنى قەينۇقا »ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا سالدى«

لېكىن يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ بەدرى مەيدانىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلغانلىقى ۋە يىراق-يېقىن ھەممىنىڭ دىلىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە شانۇ-شەۋكىتى ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەسەت ئوتىدا ئىچ-باغرى كۆيۈپ كۆل بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئاشكارا دۈشمەنلىشىش مەيدانىغا ئۆتتى ۋە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشقا ئۇرۇندى.

شەخىسلەر ئىچىدە مۇسۇلمانلارغا كەئەب ئىبنى ئەشرەف (تەپسىلاتى كېيىن كېلىدۇ) بولدى. قەبىلىلەردىن ئۈچ تائىپە يەھۇدىيلار ئىچىدە بەنى قەينوقا يەھۇدىيلىرىنىڭ غالجىرلىقى ئەڭ يامان بولدى. بەنى قەينوقا يەھۇدىيلىرى مەدىنە ئىچىدە (قەينوقا مەھەللىسىدە) ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى زەرگەرچىلىك، تۆمۈرچىلىك ۋە قاچا-قۇچا، چاق-چۇق سانائىتى بىلەن شوغۇللىناتتى ۋە شۇ تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ھەر قاندىقى يېنىدا قىلىچ، نەيزە، ياچاق، دوبۇلغا-ساۋۇت ۋە مىس قالپاق دېگەندەك ھەر خىل قوراللارنى تولۇق ئېسىپ يۈرەتتى. ئۆزرىسىز جەڭگە قاتنىشالايدىغان مۇنتىزىم لەشكىرىنىڭ سانى 700دىن ئاشاتتى. ئۇلار مەدىنە يەھۇدىيلىرى ئىچىدە ئەڭ جەسۇر، ئەڭ شىجائەتلىك قوشۇنغا ئىگە قەبىلە ئىدى. شۇڭا ئۇلار يەھۇدىيلار ئىچىدە ئەھدىنامىنى تۇنجى بولۇپ بۇزۇپ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا سالغان ناكەسلەر بولدى.

ئاللاھ بەدرىدە مۇسۇلمانلارنى غالىب قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىناۋەت-ھۆرمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋىدى، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەسەبىيلىكى تېخىمۇ ئېشىپ، كەڭ كۆلەمدە كۈشكۈرتۈش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەدىسىلا قالايمىقانچىلىق ۋە پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، يالغۇز ماڭغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، مەسخىرە، مازاق قىلىپ بوزەك ئەتتى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بازىرىغا سودا-سېتىق بىلەن كېلىپ قالسا، ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزدى، ۋە چەتكە قاقتى. ھەتتا تېخىمۇ چېكىدىن ئېشىپ مۇسۇلمانلارنىڭ قىز-خوتۇنلىرىغا چېقىلىشقا ئۇرۇندى.

ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكى ۋايىغا يېتىپ، بۇ خىل جىنايەتلىرىگە چىداپ تۇرغىلى بولمىغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى يىغىپ چىرايلىقچە نەسىھەت قىلدى. تىنچ بولۇش ۋە توغرا يولدا مېڭىشقا چاقىردى. ئۇلارنى قارشىلىشىش ۋە دۈشمەنلىشىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ھەزەر ئەيلەتتى. لېكىن، بۇ ياخشى نەسىھەتلەر ئۇلارغا ئەكىس تەسىر بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوت قۇيرۇقلۇقىنى ۋە مۇغەمبەرلىكىنى ئاشۇرۇۋەتتى.

ئىمام ئەبۇ داۋۇت ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، مۇنداق دېيىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھ بەدرى غازىتىدا قۇرەيش قوشۇنىنى يېڭىپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەدىنە تەۋەسىدىكى يەھۇدىيلارنى قەينۇقا بازىرىغا يىغىپ سۆز قىلىپ: ‹ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! مۇسۇلمان بولۇڭلار! قۇرەيش دائىرلىرىغا كەلگەن نەسلىك سىلەرگىمۇ كېلىپ قالمىسۇن!› دېگەنىدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: ‹ئى مۇھەممەد! سەن قۇرەيشلەردىن جەڭ قىلىشنى بىلمەيدىغان بىر قانچە سۆل-لايغەزەللەرنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزۈڭنى چوڭ چاغلاپ كەتمىگىن، سەن بىز بىلەن ئۇرۇشۇپ باقساڭ، ئاندىن كېيىن بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئۇرۇش دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن، سەن تېخى بىزدەكلەرگە يولۇقۇپ باقمىدىڭ›، دېيىشتى. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا: ﴿قل للۇين كفروا ستغلبون و تچشرون الۈ جھنم ط و بېس المھاد ○ قد كان لكم ايە فۈ فېتين التقتا ط فېە تقاتل فۈ سبيل اللھ و اخرۈ كافرە يرونھم مڭليھم راۈ الىين ط واللھ يۋيد بنپرھ من يشاء ط انّ فۈ ۇالك لىبرە لاولۈ الابپار﴾ «(ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر (دۇنيادا) مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە ئاخىرەتتە جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان تۆشەك›. ○ (ئى يەھۇدىيلار جامائەسى بەدرىدە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان قوشۇندا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنە بىرى مۇسۇلمانلارنى (سانىنى) ئۆزلىرىدەك ئوپئۇچۇق كۆرگەن كافىرلار گۇرۇھىدۇر (يەنى ئاللاھ كافىرلارغا قورقۇنچ سېلىش بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشتىن قول يىغدۇرۇش ئۈچۈن كافىرلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى جىق كۆرسەتتى). ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 12-، 13- ئايەتلەر)

يەھۇدىيلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا قايتۇرغان بۇ جاۋابىنىڭ مەنىسى «يامان بولساڭ مەيدانغا چىققىن، ئۇرۇشىمىز»، دەپ جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولاتتى. لېكىن، رەسۇلۇللاھ ئاچچىقىنى يۇتۇپ سەبرى قىلدى. مۇسۇلمانلارمۇ سەبرى قىلدى ۋە ئاللاھنىڭ نېمىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۈتتى. ئەمما، بەنى قەينۇقا يەھۇدىيلىرى بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ، نوخۇلىسى ئۆسۈشكە باشلىدى. ئۇلار شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەدىنىدە قالايمىقانچىلىق ۋە مۇقىمسىزلىق تۇغدۇرۇپ، ئۆز پۇتىغا ئۆزلىرى پالتا سېلىپ، بويۇنلىرىغا ئۆلۈم سىرتمىقىنى ئۆز قولى بىلەن ئاستى.

ئىبنى ھىشام ئەبۇ ئەۋندىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر ئەرەب ئايال قەينۇقا بازىرىغا كۆكتات ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ ساتقان ۋە زىننەت بۇيۇمى ياسىتىش ئۈچۈن بىر يەھۇدىي زەرگەرنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ ئولتۇرغان. ئۇياق-بۇياقتىن 4 – 5 يەھۇدىي پەيدا بولۇپ كېلىپ، ھېلىقى ئايالنىڭ يۈزىنى ئېچىشقا ئۇرۇنغان. ئايال قاتتىق گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بەرگەن. ئارىدىن بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن زەرگەر يەھۇدىي (ھېلىقى بىر دەملىك جىمجىتلىقتا مۇسۇلمان ئايالنىڭ بىخۇد ئولتۇرغان ھالىتىدىن پايدىلىنىپ) ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ پېشىنى دۇكاننىڭ بىر قوزۇقىغا باغلاپ قويغان. ئايال بۇنى تۇيماي ئورنىدىن دەس تۇرغاندا قوزۇق ئۇنىڭ كىيىمىنى ئېلىپ قېلىپ، ئۇ ئايال قىپيالىڭاچ بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئوياتلىق يىرى ھاللاڭ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈلۈشۈپ، ۋالىقى يېرىلىپ كەتكەن. ئۇ ئايال ئىزاغا چىدىماي توۋلاپ دات-پەرياد ئېيتقان، بۇنى كۆرگەن بىر مۇسۇلمان يىگىت كېلىپ زەرگەر (يەھۇدىي)نى ئۆلتۈرۈپ قويغان شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئەتراپتىكى يەھۇدىيلار ھېلىقى مۇسۇلمان يىگىتكە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى مۇسۇلماننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مۇسۇلمانلارنى ياردەمگە چاقىرغان. يەھۇدىي تەرەپ يەھۇدىيلارنى تەق تۇرۇشقا ئۈندىگەن. نەتىجىدە بەنى قەينوقا يەھۇدىيلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا جىددىي توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

مۇھاسىرە، تەسلىم، ئاندىن سۈرگۈن

سەبرى دېگەننىڭمۇ چېكى بولىدۇ. ئىش مۇشۇ يەرگە يەتكەندە رەسۇلۇللاھنىڭمۇ سەبرى قاچىسى تاشتى ۋە ئەمدىكى سەبرىنى ئۆلۈمدىن قورققانلىق ۋە خورلۇققا ماقۇل بولغانلىق دەپ بىلدى شۇڭا، ئۇ مەدىنىدە ئۆز ئورنىدا ئەبۇ لۇبابە ئىبنى ئابدۇلمۇنزىرنى قالدۇرۇپ، ئاللاھنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ بەنى قەينۇقا يەھۇدىيلىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەلىمىنى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپكە تۇتقۇزدى. يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنى كۆرۈپ دەرھال سېپىل-قورغانلىرىغا كىرىپ، مۇداپىئەدە تۇرۇۋالدى. مۇھاسىرە 15 كۈن داۋاملاشتى. ئۇلار ھىجىرىيىنىڭ 2- يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 15- كۈنى مۇھاسىرىگە ئېلىنغانىدى. زۇلقەئدىنىڭ يېڭى ئېيى كۆرۈنگەنگە قەدەر سوزۇلدى. ئاخىر ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىغا (بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى بولغاندا ۋە ياكى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈرگەندە تاشلايدىغان) قورقۇنچنى سالدى. نەتىجىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈكى ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرى ھەققىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا قايىل بولىدىغان بولۇشتى. رەسۇلۇللاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى باغلاپ قورالسىزلاندۇردى.

ئىش مۇشۇ يەرگە يېتىپ، زوراۋانلىق قارا نىيەتلەر ئۆز جازاسىنى تاپاي دېگەندە، يەنىلا مۇناپىق ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ئۆزىنىڭ مۇناپىقلىق رولىنى ئويناپ سەھنىدە پەيدا بولدى. ئۇ رەسۇلۇللاھتىن ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىشنى تىلەپ، يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! مېنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمغا ياخشىلىق قىلغىن» (بەنى قەينوقا يەھۇدىيلىرى مەدىنىدىكى خەزرەج قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى) رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسقا سالدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي يۇقارقى سۆزىنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆزىگە كىرىۋالدى. رەسۇلۇللا يەنىلا ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بولغانىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساۋۇتىنىڭ تۇتقۇچىدىن تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى ماڭغىلى قويمىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «مېنى قويۇۋەتكىن»، دېدى ۋە قاتتىق غەزىپى كەلدى، ھەتتا ئەتراپتا تۇرغانلارمۇ بۇنى سەزدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم: «ھەي سېنىڭ بۇ قىلىقىڭنى، مېنى قويۇۋەت»، دېگەنىدى، لېكىن بۇ قېلىن مۇناپىق قىلچە بوشاشماستىن: «ياق، ئەزبىرايى خۇدا، مەن سېنى مېنىڭ ئاشۇ ئىتتىپاقداشلىرىمغا كەڭچىلىك قىلمىغۇچە قويۇۋەتمەيمەن، 400 دەك ياردەمچى قوشۇن، 300دەك جەڭگىۋار قوشۇننى بىراقلا قىرىپ تاشلىماقچىمۇسەن؟ ئۇلار مېنى ئاق ۋە قارىلار نىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ كەلگەن، مەن جاھاننىڭ تەتۈر ئايلىنىشىدىن قورقىمەن»، دەپ تۇرۇۋالدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ (مۇسۇلمان بولدۇم دەپ يۈرگىلى تېخى تولۇق ئىككى ئاي بولمىغان) بۇ مۇناپىقنىڭ يۈزىنى ئاياپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى شۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىۋەتتى ۋە ئۇلارنى مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشنى، ئىككىنچى مەدىنىدە كۆزگە چېلىقماسلىقنى بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شام (سۈرىيە)نىڭ ئەزرۇئات دېگەن يېرىگە چىقىپ كېتىشتى، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆلۈپ كەتتى.

رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك، قورال-ياراغلىرىنى يىغىۋالدى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئۈچ دانە ئوقيا، ئىككى ساۋۇت، ئۈچ قىلىچ ۋە ئۈچ دانە نەيزە ئېلىپ قالدى. غەنىمەتلەرنى قوشۇن ئىچىدە تەقسىم قىلىپ بۆلۈپ بەردى. غەنىمەتلەرنى جۇغلاش ۋە تىزىمغا ئېلىش ئىشلىرىغا مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە مەسئۇل بولغانىدى.

سەۋىق )تالقان( غازىتى

سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە ۋەھەب ئىبنى ئۇمەيرنى كۆسەي قىلماقچى بولۇۋاتقان، يەھۇدىيلار ۋە مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل سۈيقەستىنى ۋە ئوت قۇيرۇقلۇق ھەرىكەتلىرىنى توختاتمايۋاتقان بىر پەيتتە، مەككە دائىرىلىرىنىڭ كاتتىۋېشى ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب ئۆز قەۋمىنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىش ۋە ئازراق بەدەل تۆلەپ تەسىرى زورراق بىر ئىش قىلىشنى ئويلاپ يۈرەتتى. ئۇ: «مۇھەممەدكە قارشى بىر قېتىم ئۇرۇش قوزغىمىغىچە، ئايال كىشىگە يېقىن كەلمەيمەن»، دەپ قەسەم ئىچكەنىدى. شۇڭا، ئۇ بۇ قېتىم ئۆز قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 200 ئاتلىقنى باشلاپ مەدىنىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى «نەيف» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغ باغرىغا كېلىپ چۈشتى، لېكىن ئۇ مەدىنىگە ئاشكارا ھۇجۇم قوزغاشقا جۈرئەت قىلالماي قاراقچىلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ئۇ تۈن نىسپىي بولغاندا مەدىنە تەۋەسىگە ئوغرىلىقچە كىرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋېشى ھۇيەي ئىبنى ئەختەفنىڭ ئۆيىگە كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئىشىكىنى چەكتى، ھويەي تۈن نىسپىدىكى بۇنداق چاقىرىلمىغان مېھماندىن ئىشىكنى ئاچقىلى ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىن يېنىپ، سەلام ئىبنى مۇشكەم (شۇ ۋاقىتتىكى بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ كاتتىسى ۋە قوشۇمچە خەزىنە بېگى ئىدى) نىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشىكنى چەكتى. سەلام ئىبنى مۇشكەم ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، زىياپەت بەردى ۋە ئۇنىڭ شەرىپىگە ھاراق تارتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا مەدىنە ۋەزىيىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى. ۋە تۈن نىسپىدىن ئۆتكەندە، ئەبۇ سۇفيان ئۆزىنىڭ چۈشكەن ئۆتىڭىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز ئادەملىرىدىن بىر قانچە كاللا كېسەرنى تاللاپ مەدىنىنىڭ «ئەرىز» تەۋەلىكىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار بۇ يەردە بىر تەرەپتىندەل دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوت قويۇپ، كۆيدۈرۈپ، دەل-دەرەخ، باغ-ۋارانلارغا بۇزغۇنچىلىق سالدى ۋە كەچتە باغ ئايلىنىپ قونۇپ قالغان بىر ئەنسارى بىلەن ئۇنىڭ بىر ئاغىنىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، مەككىگە قاراپ تىكىۋەتتى.

رەسۇلۇللاھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەبۇ سۇفيان ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قوغلاشقا ئاتلاندى، لېكىن ئۇلار يەڭگىلرەك قېچىش ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ۋە باشقا تەمىناتلىرىدىن تالقان قاتارلىقلارنى تاشلىۋېتىپ، ناھايىتى تېز قاچقانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشمەي قالدى. رەسۇلۇللاھ «قەرقەرەتۇل كىدرى» دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئاندىن قايتتى. مۇسۇلمانلار قايتىشىدا مۇشرىكلار يول بويى تاشلاپ قاچقان تالقان بوقچىلىرىنى تىرىپ ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ قېتىمقى ھەرىكەت سەۋق (تالقان) غازىتى دەپ ئاتالدى. ۋەقە بەدرى غازىتىدىن ئىككى ئايدىن كېيىن زۇلھەججە ئېيىدا يۈز بەردى. رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە ئۆز ئورنىغا ئەبۇ لۇبابە ئىبنى ئابدۇلمۇنزىرنى قالدۇرغانىدى.

زىئەمرى غازىتى

زىئەمرى غازىتى ئۇھۇد غازىتىدىن ئىلگىرى رەسۇلۇللاھ ئۆزى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلغان بىر قېتىملىق چوڭ ھەربىي ھەرىكەت بولۇپ، ھىجرىيىنىڭ 3- يىلى مۇھەررەم (1-ئاي) دا ئېلىپ بېرىلغانىدى.

ۋەقەنىڭ سەۋەبى مۇنداق: مەدىنە ئاخباراتچىلىرى رەسۇلۇللاھقا: «بەنى سۇئلەبە ۋە مۇھارىف قەبىلىلىرىدىن زور بىر تۈركۈم كىشىلەر توپلىنىپ مەدىنە ئەتراپى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋېتىپتۇ»، دېگەن مەلۇماتنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنى غازاتقا چاقىردى ۋە ئاتلىق ۋە پىيادىلىك بولۇپ، 450 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، دۈشمەننى ئۇۋىسىدىلا تۇنجۇقتۇرۇۋېتىشكە ئاتلاندى. ئۆز ئورنىدا مەدىنىدە ئوسمان ئىبنى ئەففاننى قالدۇردى.

يول داۋامىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىن چارلىغۇچى قىسمى بەنى سوئلەبە قەبىلىسىدىن «جەببار»، ئىسىملىك بىر كىشىنى تۇتۇۋېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرگەنىدى. ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتى بىلەن مۇسۇلمان بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنى بىلالغا تاپشۇردى ۋە بىلالنىڭ نازارىتىدە قوشۇننىڭ يول باشلىغۇچىسى بولدى.

دۈشمەن مەدىنە قوشۇنىنىڭ يولغا چىققانلىقىنى ئاڭلاپلا، تاغ-قىرلارغا تاراپ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋېلىشتى. ئەمما، رەسۇلۇللاھ ئۇلار توپلانغان زىئەمرى دېگەن سۇ بويىغا يېتىپ بېرىپ (شۇ يىلى) سەپەر ئېيىدا ساق بىر ئاي (ياكى ئازراق كەم) تۇرۇپ بەددۋىلەرگە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىپ قويدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، دىللىرىغا قورقۇنچ ئۇرۇقىنى تېرىپ قويغاندىن كېيىن زەپەر بىلەن مەدىنىگە قايتتى.

كەئىب ئىبنى ئەشرەفنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

كەئەب ئىبنى ئەشرەپ يەھۇدىيلار ئىچىدە ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشتا، رەسۇلۇللاھقا تىل تەككۈزۈپ ئازار بېرىشتە ۋە ئىسلامغا قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىشتا ئەڭ ئەشەددى، ئوت قۇيرۇق شەيتان ئىدى. ئۇ ئاتا تەرەپتىن ئەرەبلەرنىڭ بەنى تەي قەبىلىسى (بەنى نەبھان جەمەتى)دىن، ئانىسى بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىدىن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ باي-زەردارلىقى، دۆلەتمەن-باياشاتلىقى، كېلىشكەن قامىتى ۋە يېتىشكەن شېئىرى تالانتى بىلەن پۈتۈن ئەرەبلەرگە تونۇلغان بولۇپ، مەدىنىنىڭ شەرقى جەنۇبىدا بەنى نەزىر مەھەللىسىنىڭ ئارقا كوچىسىدىكى ھەشەمەتلىك بىر قورۇقتا ئولتۇراتتى.

بۇ ئەبلەخ «مۇسۇلمانلار بەدرىدە قۇرەيش قوشۇنى بىلەن تۇتۇشۇپ، ئۇلارنى يېڭىپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرى كاتتىۋاشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ»، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ «پۇتى كۆيگەن توخۇدەك» بىئارام بولۇپ تىپىرلاپ كەتتى ۋە: «بۇ راست خەۋەرمۇ؟ بۇلار دېگەن (قۇرەيشلەرنى دېمەكەچى – ت) ئەرەبلەرنىڭ كۆزى، ئەلنىڭ سەركىلىرى، قەسەم قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئاشۇلارنى يېڭىپ غالىب كەلگەن بولسا، يەر يۈزىدە ئۆمىلەپ يۈرگەندىن يەرنىڭ تېگىگە (يەنى گۆرگە دېمەكچى — ت) كىرىپ ياتقان مىڭ ياخشى»، دېدى. ئۇ ئاڭلىغان خەۋەرنىڭ بەرھەق راست ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن قايتىدىن ئەزۋەيلەپ، رەسۇلۇللاھنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ھەجۋى قىلىپ كاپشىغىلى تۇردى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن قانائەت قىلماي، تۆگە بىلەن مەككىگە كەلدى. ئۇ مەككىدە مۇتەللىپ ئىبنى ئەبۇ ۋىدائە (بەنى سەھمى جەمەتىدىن)نىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، قۇرەيشلەرنىڭ بەدرىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۆلۈكلىرىگە يىغلاپ، ئۇلارنىڭ ئىچىنى ئېچىتىدىغان مەرسىيە-غەزەللەرنى ئوقۇدى. ئۇ شېئىرىدا رەسۇلۇللاھقا قارىتا ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ، دەرھال ئۇرۇشقا ئاتلىنىشقا چاقىردى. ئۇ مەككە كاتتىلىرى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈرۈۋاتقان مەزگىلدە ئەبۇ سۇفيان ۋە باشقا مەككە مۇشرىكلىرى ئۇنىڭدىن: «ساڭا بىزنىڭ دىنىمىز ياقامدۇ؟ ياكى مۇھەممەدنىڭ دىنى ياقامدۇ؟ ئىككى تەرەپنىڭ قايسىمىزنىڭ تۇتقان يولى توغرا؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ تەپتارتماستىن: «سىلەرنىڭ تۇتقان يولۇڭلار نەچچە ھەسسە توغرا ھەم ئەۋزەل، بۇنىڭدىن ھەرگىز ئىككىلەنمەڭلار»، دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿ويقولون للۇين كفرو ھۋلژء ۆھداۈ من الۇين ژمنوا سبيلاً﴾ «ئۇلار كافىرلارنى كۆرسىتىپ: ‹بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى›نىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر›، دەيدۇ» 4- سۈرە 51- ئايەت.

كەئەب مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز شېئىرلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللىرىغا تىل ئۇزاتتى ۋە ئۇلارنى ئىنتايىن قەبىھ تىللار بىلەن ھاقارەتلەشكە باشلىدى. ئىش مۇشۇ يەرگە يەتكەندە، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى يىغىپ: «كەئەب ئىبنى ئەشرەپ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئازار يەتكۈزۈۋاتىدۇ، ئۇنى قايسىڭلار بىر تەرەپ قىلىۋېتەلەيسىلەر؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشقا مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە، ئابباد ئىبنى بىشرى ۋە ئەبۇ نائىلە (ئەسلى ئىسمى سەلكان ئىبنى سەلامە كەئەب ئىبنى ئەشرەپنڭ ئىمىلدەش قېرىندىشى ئىدى) ھارىس ئىبنى ئەۋس ۋە ئەبۇ ئەبەسە ئىبنى ھىبرىلەر ئۆزلىرىنى ئاتىدى ۋە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە بۇ پىدائىيلارنىڭ باش قوماندانى بولدى.

كەئەب ئىبنى ئەشرەپنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، رەسۇلۇللاھ: «كەئەب ئىبنى ئەشرەپنى كىم ئوجۇقتۇرۇۋېتىدۇ؟ ئۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كۆپ ئەزىيەت قىلدى»، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە تۇرۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! كەئەبنى ئۆلتۈرۈشۈمنى خالامسەن؟» دېگەن. رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، ئەلۋەتتە خالايمەن»، دېگەندە، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە: «ئۇنداق بولسا، ئى رەسۇلۇللاھ مېنىڭ ئۇنى ئىشەندۈرۈشۈم ئۈچۈن بەزى يالغان-يوپۇر سۆزلەرنى قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغىن»، دېگەن. رەسۇلۇللاھ: «بولىدۇ»، دېگەن.

شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە كەئەب ئىبنى ئەشرەپنىڭ قېشىغا كېلىپ:

— بۇ ئادەم (رەسۇلۇللاھنى دېمەكچى – ت) بىزدىن تولا سەدىقە، ئىئانە سوراپ، جاق تويغۇزۇۋەتتى،— دېگەنىدى، كەئەب:

— بۇ سىلەرگە تېخى ئا…ز، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تويىسىلەر…

— ئەمدى بىز ئۇنىڭغا باشتا ئەگىشىپ قويۇپتۇق، ھازىرچە ئۇنى تاشلىۋەتسەك، سەت بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ھازىرچە تاشلىۋەتمەي تۇرايلى، كېيىن ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلارمىز، بىزگە بىر ئىككى تاتىغ خورما ئۆتنە بېرىپ تۇرغىن.

— بولىدۇ، ئەمما بىرەر نەرسەڭلارنى مېنىڭ يېنىمدا گۆرۈگە قويۇشۇڭلار كېرەك.

— نېمىنى گۆرۈگە قويۇشىمىزنى خالايسەن؟»

— ئاياللىرىڭلارنى قويۇڭلار.

— سەن دېگەن ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ چىرايلىق شەخىس تۇرساڭ، سېنىڭ يېنىڭدا قىز-خوتۇنلىرىمىزنى قالدۇرۇپ، قانداقمۇ خاتىرجەم ئولتۇرغىلى بولىدۇ؟

— ئۇنداق بولسا ئوغۇللىرىڭلارنى قويۇڭلار.

— ئوغۇللىرىمىزنى گۆرە قويساققۇ بولىدۇ، بىراق كىچىك بالىلار ئۆزئارا تىللىشىپ قالسا، بىر ئىككى تاتىغ خورمىغا گۆرە قويۇلغان، دەپ ھاقارەتكە قالىدۇ. بۇ ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئۆچمەس ئار-نومۇس كەلتۈرىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىز ساڭا قورال-ياراغلىرىمىزنى گۆرۈگە قويايلى،— دېدى ۋە ئۇنىڭغا قورال-ياراغلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە دېيىشتى.

ئارقىدىن ئەبۇ نائىلە كېلىپ مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەدەك قىلدى. ئۇ كەئەبنىڭ يېنىغا بېرىپ بىردەم شېئىر-ئەشئار ھەققىدە پاراڭلاشتى، ئاندىن ئۇنىڭغا:

— ئى بەگزادەم (كەئەب)! مەن يېنىڭغا بىر ھاجەت بىلەن كېلىۋىدىم، ئۇنى ئېيتسام باشقىلاردىن سىر تۇتۇشقا كاپالەتكلىك قىلغان بولسىڭىز»،— دېدى. كەئەب:

— شۇنداق قىلاي،— دېدى. ئەبۇ نائىلە:

— بۇ ئادەم (رەسۇلۇللاھنى دېمەكچى. — ت) نىڭ كەلگىنى بىز ئۈچۈن بىر بالا بولدى. پۈتۈن ئەرەبلەر بىزنى دۈشمەن تۇتۇپ، بىر يەڭدىن قول چىقاردى. مەئىشەت يوللىرىمىز ئېتىلىپ، بالا-چاقىلىرىمىز ئاچلىقتا قالدى. تەنلىرىمىز ئورۇقلاپ، بىر تىرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدۇق. قىسقىسى، بىز ئۆزىمىزنىمۇ، بالا-چاقىلىرىمىزنىمۇ جاپا-مۇشەققەتكە تىقتۇق،— دېدى ۋە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە قىلغاندەك رەسۇلۇللاھ ئۈستىدىن ئۇنىڭغا شىكايەت قىلغان كىشى بولۇۋالدى، ئاندىن ئۇ يەنە پاراڭ داۋامىدا:

— مېنىڭ بىر قانچە يېقىن ئاغىنىلىرىم بار، ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاشلا ھاجەتمەن، دەردمەنلەردىن، شۇڭا مەن ئۇلارنىمۇ ئالدىڭغا باشلاپ كەلسەم، ئازراق بىر نەرسە سېتىپ بېرىپ، خەير-ساخاۋەتمەنلىكىڭنى كۆرسىتىپ قويساڭ بوپتىكەن، دېدى.

ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ئىش بولدى. ئىبنى مەسلەمە بىلەن ئەبۇ نائىلەلەر كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىشتى. چۈنكى، كەئەب ئىبنى ئەشرەپ ئەمدى بۇلارنىڭ بىر توپ ئادەمنى باشلاپ قورال-ياراغلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كېلىشىنى يات سانىمايتتى.

ھىجىرىيىنىڭ 3- يىلى رەبىئولئەۋۋەلنىڭ 14- كۈنى كەچ ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق، ئوپئاق ئايدىڭ ئىدى. مەزكۇر پىدائىيلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىگە جەم بولدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلار بىلەن «بەقىيئۇلغەرقەد» دېگەن يەرگىچە بىللە چىقىپ، ئۇلارنى مۇنداق دەپ ئۇزىتىپ قويدى: «بىسمىللاھ (ئاللاھنىڭ ئىسمى) بىلەن مېڭىڭلار، ئى ئاللاھ! بۇلارغا ياردەم قىلغىن!». ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كېچىچە ناماز ئوقۇپ، پەرۋەردىگارى تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ چىقتى.

پىدائىيلار كەئەب ئىبنى ئەشرەپ تۇرۇۋاتقان قەلئە ئالدىغا يېتىپ بېرىۋىدى، ئارىدىن ئەبۇ نائىلە ئۈنلۈك توۋلاپ، كەئەبنى چاقىردى. كەئەب چۈشمەكچى بولۇۋىدى، ئايالى (ئۇ بۇ ئايال بىلەن توي قىلغىلى ئۇزاق بولمىغانىدى) ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ: «بۇنداق ئالەم بىمەھەل بولغاندا نەگە بارىسەن؟ بۇ ئاۋاز ماڭا گويا قاننىڭ ھىدىنى تارقىتىۋاتقاندەك يوچۇنلا ئاڭلىنىۋاتىدۇ»، دېدى، كەئەب: «ئۇلار دېگەن مېنىڭ دوستۇم مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ۋە ئېمىلدەش قېرىندىشىم ئەبۇ نائىلەلەردۇر. ئۇنداق بولمىغاندىمۇ ‹مەرد دېگەن ئۆلۈمگە ۋەدە قىلسىمۇ ۋاپا قىلىدۇ›، دېگەن گەپ بار»، دېدى-دە، ئاندىن ئەتىر-پەتىرلىرىنى چېچىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. كىشىنىڭ دىمىقىنى غىدىقلىغۇدەك ئېسىل-پۇراقلار ئۇنىڭ تەرىپىدىن لاپ-لاپ كېلىپ تۇراتتى. كەئەب چۈشۈپ بولغۇچە ئەبۇ نائىلە ھەمراھلىرىغا: «كەئەب چىققاندا، مەن ئۇنى پۇرىغان بولۇپ، چېچىدىن تۇتىمەن، مەن ئۇنىڭ كاللىسىنى مەھكەم تۇتۇۋالغانلىقىمنى كۆرسەڭلار، دەرھال قىلىچ ئۇرۇڭلار»، دەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. كەئەب تۆۋەنگە چۈشۈۋىدى، ئۇلار بىلەن قىزغىن سالام-سىھھەت سوراشتى ۋە چاقچاق قىلىشتى. ئاندىن ئەبۇ نائىلە تەكلىپ ئاھاڭىدا سۆز ئېچىپ: « ئى كەئەب! ماقۇل كۆرسىڭىز پاراڭلاشقاچ شىئبۇلئەجوز (جاي نامى)غىچە بېرىپ كېچىلىك ئايدىڭ سەيلىسى قىلىپ كەلگەن بولساق؟» دىۋېدى، كەئەب: «ئىختىيارىڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاراڭ سېلىشىپ تۆۋەنگە قاراپ مېڭىشتى. ئۇلار كېتىۋېتىپ بىر ئەگىمگە بارغاندا ئەبۇ نائىلە: «مەن بۈگۈنكىدەك خۇشپۇراق ھىدنى ھىدىلىمىغانىدىم، ئەجەب ئېسىل ئەتىر ئىكەن؟» دەپ قويۇۋىدى، كەئەب ئىبنى ئەشرەپكە يەل ماڭدى، دەرھال ئۇ مەغرۇر قىياپەتكە ئۆتۈپ: «ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە، چۈنكى مېنىڭ يېنىمدا بۈگۈن ئەڭ گۈزەل ئەرەب قىزى ئەتىر-پەتىرلىرىنى چېچىپ مېنى كۈتىدۇ ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئەبۇ نائىلە: «ماڭا بېشىڭنى پۇرۇۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلارسەنمۇ؟» دېگەنىدى. كەئەب ئىبنى ئەشرەپ: «بولىدۇ»، دەپ توختاپ بەردى. ئەبۇ نائىلە كەئەبنىڭ بوينىنى مەھكەم ئىگىپ قۇچاقلاپ پۇرىغاننى قىلدى ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ پۇراتتى. ئاندىن يەنە يولىنى داۋاملاشتۇردى ۋە بىردەم ماڭانغاندىن: «يەنە بىر پۇرۇۋالسام»، دېۋىدى، كەئەب توختاپ بېشىنى ئىگىپ بەردى. ئەبۇ نائىلە ئۇنىڭ بېشىنى ئوبدان سىقىپ بىر پۇرۇۋالغاننى قىلدىيۇ، يەنە قويۇپ بېرىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى ۋە يەنە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ئەبۇ نائىلە يەنە پۇرۇۋالاي دېگەنىدى، كەئەب توختاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ نائىلە كەئەبنىڭ بېشىنى ئوبدان تارتىپ راسا ئەگدى-دە: «ھە! چاپ»، دەپ بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇت-قول، دۈمبە-كاسالىرىغا قىلىچ ۋە تاياق-توقماقلار يېغىپ كەتتى. لېكىن تۈن قاراڭغۇسىدىكى ئېگىز-پەس چۈشكەن تاياق-توقماق ئۇنىڭغا جىق كار قىلمىدى. شۇڭا، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە قولىدىكى جوتۇ شەكلىدىكى چومىقى بىلەن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە قاتتىق بىرنى ئۇردى-دە، جوتۇنىڭ بىسى ئۇنىڭ ئالدى ئەزاسى (زەكىرى)نىڭ يېنىدىن تېشىپ چىقتى. نەتىجىدە خۇدانىڭ دۈشمىنى كەئەب ئىبن ئەشرەپ پالاققىدە يېقىلدى. ئۇ ئۈستى باشلىرىغا قىلىچ-نەيزىلەر ياغقىلى تۇرغاندا سەت چىقىراپ ئەتراپتىكىلەرنى چۆچۈتىۋەتكەنىدى. شۇڭا ئۇ يەرگە يېقىلىپ توپا چىشلەپ بولغۇچە ئەتراپتىكى بارلىق قەلئە ۋە قوۋۇقلاردا غىل-پال ئوت يورۇقى يورىدى.

پىدائىيلار ئالمان-تالمان قايتىشتى. بىراق، قوشۇن ئەزالىرىدىن ھارىس ئىبنى ئەۋسكە ئۆز ھەمراھلىرىدىن بىرىنىڭ قىلىچى تېگىپ كەتكەنلىكتىن يارىلىنىپ قانسىراپ يېتىپ قالدى. پىدائىيلار قوشۇنى ھەررەتۇلئەرىز دېگەن يەرگە كەلگەندە ئاندىن ھارىسنىڭ يوقلۇقىنى بايقاشتى. شۇڭا ئۇلار بىر دەم ساقلاپ تۇرۇپ ھارىسنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتتى. ھەتتا بىر چاغدا ئۇ ئۆمىلەپ ئاستا كېلىۋىدى، كۆپچىلىك ئۇنى كۆتۈرۈۋېلىشتى ۋە بەقيئۇلغەرقەد دېگەن يەرگە يېتىپ كېلىۋىدى، ھەممەيلەن تەڭ سادا كۆتۈرۈپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ توۋىلاشتى. ئۇ يەردە بۇلارنى ساقلاپ تۇرغان رەسۇلۇللاھمۇ تەكبىر ئاۋازىنى ئاڭلاپلا، ئۇلار: «كەئەبنى ئۆلتۈرۈپتۇ»، دەپ بىلدى-دە، ئاۋازىنى ئۈنلۈك كۆتۈرۈپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر»، دەپ توۋلىۋەتتى. ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ياشاپ كەتكەيسىلەر!» دېدى. پىدائىيلار: «سەنمۇ ياشاپ كەت ئى رەسۇلۇللاھ!» دېيىشتى ۋە مەلئۇن كەئەبنىڭ كېسىۋېلىنغان بېشىنى «پوك»، قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلىدى. رەسۇلۇللاھ خۇدانىڭ دۈشمىنى كەئەبنىڭ كاللىسىنىڭ كۆز ئالدىدا توپا چىشلەپ ياتقىنىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن: «خۇداغا شۈكرى، خۇداغا شۈكرى»، دەيتتى. ئاندىن ھارىسنىڭ يارىسىغا تۈكۈرۈپ قويغانىدى، يارا شۇ ھامان سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى، كېيىن پەقەت ئاغرىمىدى.

كېچە تاڭ ئاتتى. يەھۇدىيلار ئۆز كاتتىۋېشىنىڭ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئۇجۇقتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقۇپ، سەراسىمىگە پاتتى ۋە قورقۇنچىدىن ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئادىل-ھەققانى ئىكەنلىكىنى، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قالايمىغانچىلىق تۇغدۇرماقچى بولغانلارغا، ئوتتۇرىدىكى ئەمەلگە خىلاپلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلارغا ئادىل چىرايلىق سەسىھەت كار قىلغاندا، قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىشتى. شۇڭا، ئۇلار بۇ كاتتىۋېشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي جىمجىت يۈرۈشتى ۋە ئەھدى-پەيمانلارغا رىئايە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ، جىمىپ قېلىشتى. قىسقىسى، بۇ زەھەرلىك يىلان-چايانلار ھوپۇل-توپۇل ئۇۋىلىرىغا كىرىپ يۇشۇرۇنىۋېلىشتى.

مانا مۇشۇنداق قىلىپ رەسۇلۇللاھ مەدىنە ئىچى ۋە سىرتىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلەرگە ئالدىن قول سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مۇسۇلمانلار ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە ھەر خىل قىيىنچىلىقلاردىن يېنىكلەپ قالدى.

بوھران غازىتى

بوھران غازىتى ھىجىرىيىنىڭ 3- يىلى رەبىئۇلئاخىر (4-ئاي) ئېيىدا، رەسۇلۇللاھ ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان 300 كىشىلىك چوڭ بىر ھەربىي يۈرۈش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بوھران (ھىجازنىڭ غەربى تەرىپىدىكى بىر كان چىقىدىغان جاي)دا رەبىئۇلئاخىر (4-ئاي) ئېيى، ئاندىن جۇمادىيەلئەۋۋەل (5-ئاي) ئايلىرىدا تۇرۇپ قايتىپ كىردى. ئۇرۇشقا دۇچ كەلمىدى.

زەيد ئىبنى ھارىس قوشۇنى

بۇ مۇسۇلمانلار ئوھۇد ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدا قوزغىغان ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربىدارلىقى ئەڭ زور بىر قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەت بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 3- يىلى جۇمادىيەل ئاخىر (6-ئاي) ئېيىدا ئەۋەتىلگەن.

ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى شۇكى، قۇرەيش دائىرلىرى بەدرى پاجىئەسىدىن كېيىن قاتتىق دەرد ئەلەمگە غەرق بولۇپ، ئىچى قان ئىدى. ياز كېلىپ ئۇلارنىڭ شامغا قىلىدىغان يازلىق سەپەر ۋاقتى يېتىپ كېلىۋىدى، ئۇلارنى قايتا غەم باستى. بۇ چاغدا سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە (ئۇ قۇرەيشلەرنىڭ بۇ يىلقى تىجارەت سەپىرىنىڭ مەسئۇلى بولغانىدى) قۇرەيش كاتتىلىرىغا: «مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىزنىڭ دېڭىز بويىدىكى تىجارەت يولىمىزنى ئەتتى. ئۇنىڭ ئادەملىرى دېڭىز بويىدىن ئايرىلماي تۇرۇۋاتىدۇ. بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ بويدىكى قەبىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ بىلەن ئەھدىنامە تۈزۈشۈپ بىر تام بولۇۋالدى. زادى قەيەردىن مېڭىش كېرەك. ئەقىل كۆرسىتىڭلار، بۇ يەردە تۇرۇۋەرسەك، بار-يوق مېلىمىزنى يەپ تۈگىتىمىز. بۇ مال بىزگە ھەمىشە باقىي ئەمەس بىز مەككە خەلقى يازدا شامغا، قىشتا ھەبەشىستانغا تىجارەت قىلىش بىلەن كۈن كەچۈرىدىغان خەلقمىز»، دېدى.

بۇ ھەقتە قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى ۋە غۇلغۇلا قىلىندى. ئاخىردا ئەسۋەد ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ سەفۋان ئىبنى ئۇمەييەگە يول كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا سەن دېڭىز بويىدىكى يولدىن ماڭماي ئىراق يولى بىلەن ماڭغىن»، دېدى. (ئىراق يولى مەدىنىنىڭ شەرقىدىن خېلى يىراق جايدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىراقنىڭ غەرپ تەرىپى ئاندىن نەجدى ئارقىلىق شامغا باراتتى. قۇرەيشلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ يول بىلەن مېڭىپ باقمىغاچقا يول يۆنىلىشىنى ئوبدان بىلمەيتتى) شۇڭا، ئەسۋەد ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ سەفۋانغا بەنى بەكرى قەبىلىسىدىن فۇرات ئىبنى ھەبباننى يول باشلىغۇچىلىققا ئېلىۋېلىشقا كۆرسەتتى.

شۇنىڭ بىلەن قۇرەيش كارۋىنى ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قاچىلاپ ئىراق يولىنى نىشانلاپ شەرقىي شىمال تەرەپ بىلەن ئاستاغىنا يولغا چىقتى. لېكىن بۇ كارۋان ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشى ھەققىدىكى مەلۇمات ئاللىقاچان مەدىنىگە ئۇچۇپ كېلىپ بولغانىدى. ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق بولدى: سەلىت ئىبنى نۇئمان (خېلى بۇرۇن مۇسۇلمان بولغانىدى) بىلەن نۇئەيم ئبىن مەسئۇد ئەشجەئى (ئۇ تېخى مۇسۇلمان بولمىغان چېغى ئىدى) بىر ھاراق سورۇنىدا بىللە (ئۇ چاغدا تېخى ھاراق ھارام قىلىنمىغانىدى) بولۇپ قالدى. نۇئەيم ھاراقنى راسا ئىچىپ مەس بولۇۋىدى، كارۋان توغرىلىق تالاش-تارتىشلارنى ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى جۆيلىۋەتتى. بۇنى ئاڭلىغان سەلىت ئىبنى نۇئمان ئىنتايىن چاپسان يول يۈرۈپ مەدىنىگە كېلىپ رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلدى.

رەسۇلۇللاھ بۇنى ئۇققاندىن كېيىن دەرھال زەيد ئىبنى ھارىس كەلبى باشچىلىقىدا 100 كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ يولغا سالدى. زەيد ئىنتايىن جىددىي يول يۈرۈپ ئاخىر كارۋاننىڭ نەجدە زېمىنىدا «قەردە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۇ بويىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدى-دە، ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، كارۋاننى پۈتۈنلەي قولغا چۈشۈردى. سەفۋان قاتارلىق كارۋاننىڭ ئىگىلىرى ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تىكىۋەتتى.

زەيد ئىبنى ھارىس باشچىلىقىدىكى قوشۇن كارۋاننىڭ يول باشلىغۇچىسى فۇرات ئىبنى ھەبباننى (يەنە بىر سۆزدە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى كىشى) ئەسىر ئالدى. 100 مىڭ دىنار قىممىتىدىكى نۇرغۇن قاچا-قۇچا، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئولجا ئېلىپ مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ غەنىمەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بەشتىن بىرىنى ئايرىۋالغاندىن كېيىن قوشۇن ئەزالىرىغا تەڭشەپ بەردى. فۇرات ئىبنى ھەببان رەسۇلۇللاھنىڭ دالالىتى بىلەن مۇسۇلمان بولدى.

قەردە ۋەقەسى قۇرەيش تەرەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەدرى پاجىئەسىدىن قالسا ئەڭ ئېغىر، ئەڭ تالاپەتلىك بىر قېتىملىق يوقىتىش بولدى. بۇ ۋەقەدىن قۇرەيشلەر قاتتىق قاتتىق چۆچۈدى ۋە قايغۇ-ئەلەمگە پاتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەقەت ئىككىلا يول قالغانىدى. بىرى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يولسىز تەكەببۇرلۇقى ۋە ياۋۇز نىيىتىدىن يېنىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ئەپ ۋە ئىناق ئۆتۈش يولىنى تاللاش، يەنە بىرى، كەڭ كۆلەمدە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخى شان-شەرىپىنى ۋە قەدىمىي ئىززەت-ئابرويىنى قايتىدىن تىكلەش، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەربىي كۈچىنى بىر قېتىم تەلتۆكۈس يوقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ غەربتە قىزىل دېڭىز يولىنى، شەرقتە ئىراق يولىنى قامال قىلالىغۇدەك ماغدۇرىنى قويماسلىق ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، مەككە دائىرلىرى بۇ قېتىم ئىككىنچى يولنى تاللاپ قالدى. ئۇلارنىڭ قىساس ئېلىش قىزغىنلىقى كۈنسايىن ئېشىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن قاتتىق بىر ئېلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ دىيارىغا باستۇرۇپ بېرىپ، پۈتۈنلەي خانىۋەيران قىلىۋېتىش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى.

دېمەك، مانا بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار قۇرەيشلەرنىڭ ئۇھۇد ئۇرۇشىغا كەڭ كۆلەمدە تەييارلىق كۆرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

قۇرەيش دائىرىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ئۇرۇشىغا تەييارلىق كۆرۈشى

مەككە خەلقى بەدرى ۋەقەسىدىكى ئېغىر تالاپەتتىن خۇرسىنىپ مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئۆچەملىكى قاتتىق كۈچىيىپ كەتتى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە ئەلەمدارلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغىنىغا قايغۇرۇپ تۇرغاندا قەردە ۋەقەسى ئۇلارنى گويا قوقاسقا كۆمگەندەك بىئارام قىلىۋەتتى. نەتىجىدە پۈتۈن مەككە تەۋەسىدە ئىنتىقام ئېلىش ۋە ئۆچ ئېلىش كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ھەتتا مەسئۇل دائىرىلەر مۇسىبەتدار ئائىلىلەرنى ئۆلۈكلىرىگە يىغلاپ ئاۋاز كۆتۈرمەسلىكنى ۋە قارشى تەرەپكە ئۆزلىرىنىڭ قايغۇ-ئەلەملىرىنى سەزدۈرمەسلىك ئۈچۈن ئەسىرلەرنىمۇ ئالدىراپ تۆلەم تۆلەپ قۇتقۇزۇپ كەلمەسلىكنى تاپىلىدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۇزاق ئۆتمەي مۇسۇلمانلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش ۋە ئەنتىنى ئېلىۋېلىش قارارىغا كېلىشتى ۋە بۇ ئۇرۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى.

ئىكرەمە ئىبنى ئەبۇ جەھل، سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە، ئابدۇللا ئىبنى ئەبۇ رەبىئە ۋە ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب قاتارلىقلار ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىدى ھەمدە ئۆزلىرى ئەڭ زور كۈچ چىقاردى.

ئولارنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن تۇنجى خىزمىتى ئەبۇ سوفيان قۇتقۇزۇپ كەلگەن ھېلىقى بەدرى پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كارۋاننىڭ ماللىرىنى ئىئانىگە تۇتۇش بولدى ۋە مال ئىگىلىرىگە سۆزلەپ: « قۇرەيش خەلقىگە ئايانكى، مۇھەممەد بىزگە تىغ تەڭلىدى. ياراملىق، قابىلىيەتلىك ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، شۇڭا بۇ ماللىرىڭلارنى ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىش ئۇرۇشىغا ئىئانە قىلىڭلار، پۇل بولسا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ، بۇ قېتىم ئۇنىڭدىن ئىنتىقامىمىزنى ئالالىساق ئەجەپ ئەمەس»، دېدى. مال ئىگىلىرى مەسئۇل دائىرلەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ماللارنى سېتىپ ئۇرۇشقا كېرەكلىك قورال-ياراق ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرىنى سەپلىدى. نەتىجىدە مىڭ تۆگە ۋە ئەللىك مىڭ دىنار ئالتۇن تەل قىلىندى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿إنّ الّۇين كفروا ينفقون ۆمْوالھمْ ليپدّواْ ىن سبيل اللھ فسينفقونھا ڭمّ تكون ىليْھمْ چسْرەً ڭمّ يغْلبون والّۇين كفرواْ إلۈ جھنّم يچشرون﴾ «شۈبھىسىزكى، كافىرلار مال-مۈلۈكلىرىنى (باشقىلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كىلىدۇ، ئاخىرى ئۇلار يېڭىلىدۇ» («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 36- ئايەت).

ئۇلار بۇنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن كەڭ كۆلەمدە ئىئانە توپلىدى. ئاققۇن ھەبەشلەردىن ۋە ئەرەپ قەبىلىلىرىنىڭ كەنانە ۋە تەھامە ئايماقلىرىدىن بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇشنى خالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىئانە يوللىرىنى كەڭ ئاچتى. ئۇلار بۇ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللاندى، ھەتتا سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە، شائىر ئەبۇ ئىززە (بەدرى ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ رەسۇلۇللاھ ئۇنى تۆلەمسىز قويۇۋەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرقانداق ھەركەتكە قاتناشماسلىققا ئەھدى ئالغان)نى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ شېئىرىيەت جەھەتتىكى قابىلىيىتى بىلەن ئەرەب قەبىلىلىرىنى مۇسۇلمانلارغا قارشى كۈشكۈرتۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاش خىزمىتىگە سالدى. ئۇنىڭغا ئۇرۇشتىن ساق-سالامەت قايتىپ كەلسە، نۇرغۇن مال-دۇنيا بېرىپ باي قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، بولمىغاندىمۇ قىزلىرىنىڭ كېيىنلىكىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئەبۇ ئىززە ئۇنىڭ گېپىگە ئالدىنىپ ھەرقايسى قەبىلە خەلقىنى ئۆزىنىڭ ھەجۋى شېئىرلىرى ۋە ھېسسياتلىق ئاھاڭلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى كۈشكۈرتتى. ئۇ بۇ قېتىم مۇسىبەتدار خەلقنىڭ يارىسىغا تۇز سېپىدىغان گەپ-سۆزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ جەڭ قىزغىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇساپىئ ئىبنى ئابدۇماناپ ئىسىملىك يەنە بىر شائىر كىشىنى مۇشۇ ۋەزىپىگەسالدى.

ئەبۇ سۇفيان سەۋىق (تالقان ) غازىتىدا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يىتەلمەيلا قالماستىن، بەلكى كۆپلىگەن تەمىناتىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن چىقىمدار بۇلۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەركەت قوزغاشقا ئالاھىدە كۈچ چىقاردى .

يېقىندا زەيد ئىبنى ھارىس قوشۇنى تەرىپىدىن قۇرەيشلەرنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنىڭ بېلىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغان ئېغىر زىيان ئۇلارنىڭ دەرد ئەلىمىگە ياغ چېچىپ، قايغۇ-ھەسرىتىنى غەزەپ-نەپرەت كۈچىگە ئايلاندۇرغانىدى. بۇنىڭ بىلەن قۇرەيشلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى قوزغايدىغان ھەل قىلغۇچ جەڭگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەندى.

قۇرەيش قوشۇنىنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

بەدرى پاجىئەسىگە ساق بىر يىل توشقان كۈنلەردە مەككە دائىلىرىمۇ ئاللىقاچان تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزۈپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى تەل قىلىپ بولغانىدى مەككە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى قۇرەيش قەبىلىلىرى. ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەمدە ئاققۇن ھەبەشلەردىن بولۇپ ئۈچ مىڭ مۇشرىك رەسمىي سەپكە تىزىلىپ ئاتلىنىش بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇردى. قۇرەيشلەر ئەسكەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئار-نومۇسىنى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ، جان پىدا قىلىپ ئۇرۇشسۇن ئۈچۈن ئاياللاردىنمۇ جەڭگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلارنى بىرگە ئېلىۋېلىشنى مۇۋاپىق كۆردى. بۇنىڭ بىلەن 15 ئايال سەپكە قېتىلدى. قوشۇننىڭ قاتناش قورالى ئۈچۈن 3000 تۆگە جەم قىلىندى. ئاتلىقلار قوشۇنى ئۈچۈن 200 ئات ھازىرلاندى. ئۇلار بۇ ئاتلارنى يول بويى چوڭ قوشۇنىغا قاتماي باشقا يوللار بىلەن ئايرىم ئېلىپ ماڭدى. مۇداپىئە قورالىدىن 700 ساۋۇت تەقلەندى.

مەركىزى باش قوماندانلىق ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەربكە مەركەزلەشتى. خالىد ئىبنى ۋەلىد ئاتلىقلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئىكرەمە ئىبنى ئەبۇ جەھىل مۇئاۋىن باش قوماندان بولدى. ئەلەم يەنىلا ئابدۇددار جەمەتىگە تۇتقۇزۇلدى.

مەككە قوشۇنى يولغا چىقتى.

مەككە قوشۇنى مانا مۇشۇنداق تولۇق تەييارلىق ۋە ھەربىي ھازىرلىقلار بىلەن مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى. كونا-يېڭى قىساس ئوتلىرى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئاداۋەت ئۇچقۇنلىرى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا چاقماق چېقىپ، يېقىن پات ئارىدا دەھشەتلىك بىر قان تۆكۈلۈشتىن دېرەك بەرمەكتە ئىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ خەۋەرچىلىرى دۈشمەننىڭ ھەرىكىتىنى ئىنكاس قىلدى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ خەۋەرچىلىرى دۈشمەننىڭ ھەرىكىتىنى ئىنكاس قىلدى”

رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ دۈشمەن (قۇرەيش)نىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە ھەربىي تەييارلىقلىرىنى باشتىن-ئاخىر كۆزىتىپ تۇرغانىدى. دۈشمەن مەككىدىن قوزغىلىپ يولغا چىققان ھامان ئابباس رەسۇلۇللاھقا جىددىي مەكتۇپ يوللاپ، دۈشمەن ئەھۋالىنى تەپسىلىي خەۋەر قىلدى.

ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ ئامانىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئەلچىمۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، ئىنتايىن تېز سۈرئەت بىلەن يول يۈرۈپ، مەككە بىلەن مەدىنە ئوتتۇرىسىدىكى (500 كىلومېتىردەك مۇساپە)نى ئۈچ كۈندە بېسىپ، ئامانەتنى رەسۇلۇللاھقا ساق-سالامەت يەتكۈزۈپ بەردى. رەسۇلۇللاھ بۇ چاغدا قۇبا مەسجىدىدە ئىدى. رەسۇلۇللاھ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇبەي ئىبنى كەئەبكە ئوقۇتقۇزۇپ مەزمۇنىدىن ۋاقىپلاندى ۋە ئۇنى ھېچ كىشىگە تىنماسلىقنى تاپىلاپ قويۇپ ئالدىراپ مەدىنىگە قايتتى. مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ پىشقەدەملىرى بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلەشتى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

مۇسۇلمانلارنىڭ ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈشى

پۈتۈن مەدىنە ئومۇمىيۈزلۈك ھەربىي ھالەتكە ئۆتتى. ئەرلەر كېچە-كۈندۈز قوراللىق يۈردى. ھەتتاكى، تۇيۇقسىز بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ قېلىشنىڭ ئېھتىمالىغا قارىتا نامازلاردىمۇ قورالدىن ئايرىلمىدى. ئەنسارلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر (ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەئەد ئىبنى مەئاز، ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير ۋە سەئىد ئىبنى ئۇبادىلەرمۇ بار ئىدى) تەشكىللىنىپ، رەسۇلۇللاھنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئۇلار كېچىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشىك تۈۋىدە قوراللىق تۇرۇپ مۇھاپىزەتچىلىك قىلاتتى.

يەنە دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كىرىپ مەدىنىدە ۋەقە پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، مەدىنىنىڭ ھەر قايسى كىرىش ئېغىزلىرىغا ۋە چىغىر يوللارغا چارلىغۇچى ۋە مۇھاپىزەتچىلەر قويۇلدى.

مۇسۇلمانلار چارلىغۇچى قىسمى (دۈشمەن ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن) مۇشرىكلار مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ قالغان تەقدىردە مېڭىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق يوللارنى نۆۋەت بىلەن ئايلىنىپ چارلاپ تۇردى.

مەككە قوشۇنى مەدىنە تەۋەسىگە يېتىپ كەلدى

مەككە قوشۇنى ئەسلىدىكى غەربى چوڭ يولنى بويلاپ مېڭىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، «ئەبۋا» دېگەن يەرگە يېتىپ كېلىۋىدى، ھىندى بىنتى ئۇتبە (ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەربنىڭ ئايالى) رەسۇلۇللاھنىڭ ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ جەسەتلەرنى تاشلىۋېتىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق قوشۇن رەھبەرلىرى بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى. بۇنداق قىلغاندا ئۆزلىرىگە يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاندىن يەنە يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ مەدىنىگە يېقىنلاپ كەلدى. بۇ يەردە ئەقىق ۋادىسىدىن ئۆتۈپلا ئوڭغا بۇرۇلۇپ مېڭىپ، ئوھۇد تېغىغا يېقىن (مەدىنىنىڭ شىمالىدىكى) تۈزلەڭ شورلۇق زېمىننىڭ «ئەينەين» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېرىگە كېلىپ چۈشتى ھەمدە مۇشۇ يەرگە ھەربىي بارىگاھنى تىكىپ ئورۇنلاشتى. بۇ ھىجىرىيىنىڭ 3- يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتىنچى كۈنى جۈمە ئىدى.

مۇداپىئە پىلانى ھەققىدە كېڭەش

مەدىنە ئاخباراتچىلىرى مەككە قوشۇنى توغرىلىق ئارقىمۇئارقا خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇردى. ئاخباراتچىلار ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇلارنىڭ «ئەينەين»گە بارىگاھ تەسسىس قىلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ھەربىي كېڭەش يىغىنى چاقىردى. يىغىندا دۈشمەننىڭ بۇ قېتىمقى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە قارىتا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئۇلارغا شۇ كېچىسى كۆرگەن مۇنداق بىر چۈشنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىنشائەللاھ ياخشى چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە بىر كالا زەبھى (بوغۇزلاغلىق) قىلىغلىقمىش، قىلىچىمنىڭ بىسى ئازراق ئوچۇقمىش ۋە قولۇمدا ناھايىتى مەزمۇت بىر ساۋۇتنى مەھكەم تۇتۇۋاتقۇدەكمەن»، دېدى ۋە ھېلىقى بوغۇزلانغان كالىنى ئۆز ئەسھابىلىرىدىن بىر قانچە كىشىنىڭ شېھىت بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا، قىلىچىدىكى ئازراق ئوچۇقلۇقنى ئۆز جەمەتىدىن بىرسىنىڭ چىقىم بولىدىغانلىقىغا ۋە قولىدا چىڭ تۇتۇۋالغان ھېلىقى ساۋۇتنى مەدىنە مۇنەۋۋەرگە ئۆرۈپ ئۆز چۈشىگە تەبىر بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بىز مەدىنىدىن چىقماي پۇختا مۇداپىئەلىنىپ تۇرۇۋېرەيلى، ناۋادا مۇشرىكلار ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئەرلەر كوچا دوقمۇشلىرىدا، ئاياللار ئۆي ئىمارەت ئۆگزىلىرىدىن تاش تاشلاپ زەربە بەرسۇن. ئەمما، ئۇلار بارىگاھىدا يېتىۋەرسە بىزگە ھېچ پايدا-زىيىنى يوق، مۇشرىكلار ئۆزلىرى چىقىمدار بولىدۇ، خالاس»، دېدى. مانا بۇ دانا پىكىر بولغان ئىدى. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن بۇ پىكىرگە تۇنجى بولۇپ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل (مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى) قوشۇلدى. ئۇ بۇ يىغىنغا ئۆزىنىڭ خەزرەج پېشىۋالىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتناشقانىدى. ئېنىقكى، ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ پىكىرىنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ بولغۇچە دەرھال قوللاپ، ئىپادە بىلدۈرىشى ھەرگىز ئۇنىڭ پىكىرنى ھەربىي ئىستراتېگىيە جەھەتتىن توغرا، دانا پىكىر بوپتۇ، دەپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئۇرۇشتىن قاچۇرۇپ قېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئوي-پىلانلىرىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئاللاھ تائالا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى مۇسۇلمانلار ئالدىدا (تۇنجى قېتىملىق ھىيلىسىدىلا) رەسۋا قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئىسلامنى دەۋا قىلىپ، ئەمما دىللىرىدا كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقنى يوشۇرۇپ يۈرۈۋاتقان پەسكەشلىك نىقابىنى ئېچىپ تاشلاشنى ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە تون-سەللىلىرى يەكتەكلىرى ئىچىدە تېپىرلاپ قالىدىغان زەھەرلىك يىلان-چايانلارنى بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويۇشنى خالىدى چېغى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ پىكىر رەت قىلىنىپ كەتتى.

بەدرى ئۇرۇشىدا جەڭگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان بىر بۆلۈك پازىل ساھابىلەر رەسۇلۇللاھقا دۈشمەننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇرۇشۇش تەكلىۋىنى بېرىپ، قاتتىق چىڭ تۇردى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى سۆز قىلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق بىر شەرەپلىك كۈننى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتاتتۇق ۋە ئاللاھتىنمۇ تىلەپ يۈرەتتۇق. ئاخىر ئاللاھ بۇ كۈننى بىزگە مۇيەسسەر قىلىپتۇ. ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشىدىغان بوپتۇ. بىزنى دۈشمەننىڭ ئالدىغا باشلاپ چىققىن. ئۇلار بىزنى «قورقتى»، دەپ قالمىسۇن» دېدى.

مۇشرىكلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، نەخ مەيداننىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ بولۇشنى قىزغىن ئارزۇ قىلىدىغان جەڭ خۇمار ئەزىمەت باتۇرلار ئىچىدە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى (بەدرى ئۇرۇشىدا ئۆزىنىڭ قىلىچۋازلىقى بىلەن ناھايىتى زور تۆھپە كۆرسەتكەن) ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپمۇ بار ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھقا: «ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇلار بىلەن مەدىنە سىرتىدا قىلىچ سوقۇشتۇرمىغۇچە ئېغىزىمغا ئۇۋاق سالمايمەن»، دېدى.

رەسۇلۇللاھ كۆپ سانلىق جامائەتنىڭ پىكىرى ئالدىدا ئۆز رايىنى ئىزاھلاپ ئولتۇرمىدى، نەتىجىدە ئەڭ ئاخىرقى قارار مەدىنىدە دۈشمەننىڭ تېگىش قىلىشنى كۈتۈپ ئولتۇرماي نەخ مەيدانغا چىقىپ، تىغمۇ-تىغ ئېلىشىپ مەردانە بىر تەرەپ بولۇشقا تەيىن تاپتى.

ئىسلام قوشۇنىنى تەشكىللەش ۋە جەڭ مەيدانىغا يۈرۈش قىلىش

شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر بىلەن ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئانچە-مۇنچە باش قوشۇۋالغاندىن كېيىن مەدىنە خەلقى بىلەن جۈمە نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى. ئۇ جۈمە خۇتبىسىدا جامائەتچىلىككە نۇتۇق سۆزلەپ ۋەز-نەسىھەت قىلدى. ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، جەڭگىۋار ۋە جىددىي ھالەتتە تۇرۇشقا چاقىردى. مۇسۇلمانلارغا ئۇلار سەبرىلىك، سۇباتلىق ۋە ئىرادىلىك بولسىلا، غەلىبە-نۇسرەت مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ھەمدە ھەممەيلەن بىرلىكتە تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىشكە چاقىردى. كۆپچىلىك رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ چاقىرىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆز يېشى قىلىشتى ۋە خۇشنۇد بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

جۈمە نامىزىدىن كېيىن كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ يىغىلىشقا باشلىدى. مەدىنىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى ئاھالىلارمۇ كېلىپ بولدى. ئۇنىڭغا قەدەر ناماز ئەسىرنىڭ ۋاقتىمۇ كىرىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلار بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدى. ئاندىن ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇلار ئۆيدە رەسۇلۇللاھقا سەللە ۋە جەڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئىككى ساۋۇتنى قوشلاپ كىيىپ، قىلىچىنى يانغا ئېسىپ، تولۇق قوراللانغان ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىغا چىقتى.

بۇنىڭغىچە كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ تېزراق چىقىشىنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى. چۈنكى، سەئەد ئىبنى مەئاز بىلەن ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير كۆپچىلىككە تاپا قىلىپ: «رەسۇلۇللاھنى دۈشمەننىڭ ئالدىغا چىقىشقا زورلىدىڭلار، بۇ ئىش ئوبدان بولمىدى. ئىختىيارنى رەسۇلۇللاھقا قويساق ياخشى بۇلاتتى»، دىگەن. شۇڭا، ئۇلار رەسۇلۇللاھقا ئالدى پەشلىك قىلىپ سالغانلىقلىرىغا پۇشايمان قىلىشىپ: «رەسۇلۇللاھ چىقىپ بىر نېمە دېسۇن»، دېيىشىپ تۇرغانىدى. رەسۇلۇللاھ ھۇجرىسىدىن ئىككى ساھابىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، تولۇق قوراللانغان ھالدا چىقىپ كېلىۋىدى، ئۇلار: «ئى رەسۇلۇللاھ! سېنىڭ پىكرىڭگە قوشۇلماسلىققا ھەددىمىز ئەمەس ئىكەن، شۇڭا ئۆزۈڭ چاغلاپ بۇيرۇق قىلغىن، ئەگەر مەدىنىدە تۇرۇشنى ياقتۇرساڭ، شۇنداق قىلايلى»، دېيىشتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا : «پەيغەمبەر بولغان كىشى ئۇرۇش كىيىمىنى كىيىپ بولغاندىن كېيىن ئاللا ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىنى بىر تەرەپ قىلمىغۇچە ئۇنى سېلىپ تاشلاشقا بولمايدۇ»، دېدى. ئاندىن قوشۇننى رەتكە سېلىپ، ئۇلارنى ئۈچ قىسىمغا بۆلدى.

1. مۇھاجىرلار قىسىمى. بۇلارنىڭ ئەلىمىنى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير (ئابدۇددار جەمەتىدىن) گە تۇتقۇزدى.

2. ئەۋس ئەنسارلار قىسمى. بۇلارنىڭ ئەلىمىنى ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەيرگە تۇتقۇزدى.

3. خەزرەج ئەنسارلار قىسىمى. بۇلارنىڭ ئەلىمىنى ھۇباب ئىبنى مۇنزىرگە تۇتقۇزدى.

قوشۇن زەبەردەس 1000 كىشىدىن تەركىپ تاپتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 100 ساۋۇتلۇق (تۆمۈر كىيىملىك) ۋە 50 ئاتلىق بار ئىدى (يەنە بىر سۆزدە بىرمۇ ئاتلىق يوق ئىدى دىيىلگەن). مەدىنىدە ئۆز ئورنىدا جامائەتچىلىككە ناماز ئوقۇپ بىرشكە ۋە شەھەر مەمۇرىيىتىگە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇمنى بەلگىلىدى. ئاندىن قوشۇنغا قوزغىلىشقا بۇيرۇق بەردى، قوشۇن شىمال تەرەپكە قاراپ يولغا چىقتى. سەئەد ئىبنى ئوبادە بىلەن سەئەد ئىبنى مەئاز ئىككىسى تولۇق قوراللىنىپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا ھەيۋەت بىلەن قەدەم تاشلاپ كېتىپ باراتتى.

قوشۇن مەدىنە كوچىلىرىدىن ئايرىلىپ سەنيەتۇلۋىدا دېگەن جايدىن ئۆتۈۋىدى، خېلى يىراقتا ئىسلام قوشۇنىدىن ئايرىم سەرخىل بىر قۇشۇننىڭ شۇ يۆنۈلۈشتە قارا كۆرۈنۈش كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. رەسۇلۇللاھ: «بۇ كىملەر؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار خەزرەج قەبىلىسىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان يەھۇدىيلار ئىكەنلىكى، مۇشرىكلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا چىققانلىقى خەۋەر قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ: «ئۇلار مۇسۇلمان بوپتىمۇ؟» دەپ سورىدى. ساھابىلار: «ياق، ئۇلار مۇسۇلمان بولغىنى يوق»، دېيىلىۋىدى رەسۇلۇللاھ: «كافىرلاردىن مۇشرىكلارغا قارشى ياردەم سوراشقا بولمايدۇ»، دەپ ئۇلارنىڭ بۇ سەپكە قېتىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.

قوشۇننى كۆزدىن كەچۈرۈش

رەسۇلۇللاھ يەھۇدىيلار قوشۇنى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن يولنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شىيخان» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە بارغاندا قوشۇننى توختۇتۇپ، قايتا رەتكە سېلىپ كۆزدىن كەچۈردى. يېشى كىچىك جەڭ مەيدانىنىڭ جاپالىرىغا قەت قىلالمايدۇ، دەپ قارىغانلىرىنى قايتۇرۇۋەتتى. قايتۇرۇلغانلار ئىچىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئۇسامە ئىبنى زەيد، ئۇسەيد ئىبنى زۇھەير، زەيد ئىبنى سابىت، زەيد ئىبنى ئەرقەم، ئەرابە ئىبنى ئەۋس، ئەمرى ئىبنى ھەزمى، ئەبۇ سەئىد خۇدرىييى، زەيد ئىبنى ھارىس ئەنسارى ۋە سەئەد ئىبنى ھەببە قاتارلىقلار بار ئىدى. زىكىر قىلىنىشىچە، ئۇلار قاتارىدا يەنە بەررا ئىبنى ئازىبمۇ بار ئىكەن. بىراق، ئۇنىڭ سەھھىبۇلبۇخارىىدىكى ھەدىسى ئۇنىڭ جەڭگە قاتناشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ رافىئ ئىبنى خەدىيج بىلەن سۇمرە ئىبنى جۇندۇبقا ئۇلارنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلدى. سەۋەبى ئىبنى رافىيە ئىبنى خەدىج ئۇستا مەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، جەڭگە قاتنىشىشقا رۇخسەت قلغانىدى. بۇنى كۆرگەن سۇمەررە ئىبنى جۇندۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ: «مەن رافىئدىن كۈچلۈك، چېلىشسام ئونى چۇقۇم يىقىتىمەن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ سالدى ۋە: «ئۇنداق بولسا كۆز ئالدىمىزدا چېلىشىپ بېقىڭلار»، دېدى. رافىئ ئىبنى خەدىج ۋە سۇمرە ئىبنى جۇندۇب ئىككىسى ئۇرنىدىن تۇرۇپ، بەلدىن شۇنداق بىر تۇتۇشى-دە، ھەش-پەش دېگۈچە سۇمرە ئىبنى جۇندۇب رافىئنى يىقىتىپ تاشلىدى. بۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سۇمرە ئىبنى جەندۇبقىمۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلدى.

ئوھۇد تېغى بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدىكى قونالغۇ

بۆلۈم: “ئوھۇد تېغى بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدىكى قونالغۇ”

مۇشۇ يەردە كەچ كىرىپ گۇگۇم چۈشۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ قۇشۇن بىلەن ناماز شامنى ئوقۇدى. ئارقىدىن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ، شۇ جايداقونۇپ قالدى ۋە 50 كىشىنى تاللاپ قوشۇن چۈشكەن بارىگاھ ئەتراپىنى قوغداشقا قويدى. ئۇلار شۇ ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈرۈپ قاراۋۇللۇق قىلدى. بۇلارغا مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە (كەئەب ئىبنى ئەشرەپنى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى پىدائىيلار باشلىقى) مەسئۇل قىلىندى ۋە زەكۋان ئىبنى قەيس مەخسۇس رەسۇلۇللاھنى قوغداشقا مەسئۇل بولدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئاسىيلىق قىلىشى

رەسۇلۇللاھ تاڭ يورۇشتىن سەل ئىلگىرى قوزغىلىپ بىر مەھەل يول يۈردى، بىر چاغدا «شەۋت» دېگەن بىر يەرگە يېتىپ بېرىۋېدى، تاڭ يورۇپ بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەردە توختاپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ دۈشمەنگە خېلى يېقىن جايغا كېلىپ قالغان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئېنىق كۆرەلەيتتى. دەل مۇشۇ يەردە مۇناپىق ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي مۇسۇلمانلارغا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ: «بىز قاچانغىچە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئۆلۈمگە تۇتۇپ بىرىپ يۈرىيمىز، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان بولغان كىشىمۇ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرالماي، باشقىلارنىڭ ئېسىگە كىرىپ كەتتى»، دەپ يوقىلاڭ باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ ئەسكەرلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى (ئۈچ يۈزدەك جەڭگە يارايدىغان كىشىنى) قايتۇرۇپ كەتتى.

شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ بۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ئاسىيلىق قىلىشى ھەرگىز بۇ مۇناپىق ئېيتقاندەك رەسۇلۇللاھ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرالماي باشقىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ كەتكەنلىكتىن بولغان ئەمەس. ئەگەر ئىش دېگەندەك بولىدىغان بولسا، ئىسلام قوشۇنى بىلەن مۇشۇ يەرگە قەدەر ھەرگىز بىللە چىقمىغان بۇلاتتى. بەلكى، ئۇنىڭ ئېيتقىنى باھانە بولىدىغان بولسا، مۇسۇلمانلار مەدىنىدىن قوزغالغاندىلا قوشۇندىن ئايرىلىپ قالسا بولاتتى. بىراق، ئۇنىڭ مۇشۇ يەرگە قەدەر ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە تىزىلىپ كېلىپ، مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتكە كەلگەندە قوشۇنغا ئاسىيلىق قىلىپ جەڭ ئالدىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشتىكى مەقسىتى دۈشمەننىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ، قۇلىقىغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ، مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئىچىدە مالىمانچىلىق ۋە ئىدىيىۋى داۋالغۇش پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت. شۇنداق قىلغاندىلا ئىسلام قوشۇننىڭ كۆپ قىسمى رەسۇلۇللاھنى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ-دە، قالغانلارنىڭمۇ روھى چۈشۈپ، ئىرادىسى بوشايدۇ. ئەكسىچە، بۇنداق مەنزىرىنى كۆرگەن دۈشمەن تەرەپ قېن قىنىغا پاتماي قالىدۇ. نەتىجىدە بۇ ۋەزىيەت رەسۇلۇللاھنى چىن دىلىدىن سۆيگۈچى سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل ساھابىلەرنى يوقىتىشقا پايدىلىق بولىدۇ. بۇلار يەر يۈزىدىن غايىپ بولسا، مەدىنە تەۋەسىدىكى ئەرزىمەس ھوقۇق-رىياسەتچىلىك دېگەنلەر ئاشۇ مۇناپىق ۋە ئۇنىڭ يالاقچى قول-چۇماقچىلىرىنىڭ قولىغا قايتىپ كېلىشكە شارائىت ھازىرلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ مۇناپىق كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكىلى تاسلا قالدى. ئەۋس قەبىلىسىدىن بەنى ھارىس ئايمىقى ۋە خەزرەج قەبىلىسىدىن بەنى سەلىمە ئايمىقى قاتارلىق ئىككى جەمەت كىشىلىرى چېكىنىپ قايتماقچى بولدى. لېكىن، ئاللاھ بۇ ئىككى قەبىلە كىشىلىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىدى. ئۇلار ئىدىيە جەھەتتە قاتتىق ئېزىپ، ئىچكى-تاشقى ئىغۋالارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن رەسۇلۇللاھنى تاشلاپ، چېكىنىپ قايتىش ئىرادىسىگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن توختاپ قېلىشتى. بۇلار ھەققدە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿إۇْ ھمّت طّژېفتان منكم ۆن تفْشلا واللھ وليّھما وىلۈ اللھ فلْيتوكّلِ الْمۋْمِنون﴾ «ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ (يەنى سەلەمە ئايمىقى بىلەن بەنى ھارىسە ئايمىقى) ئاجىزلىق كۆرسەتمەكچى (يەنى قورقۇپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قايتماقچى) بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەدەتكارى ئىدى. (مۆمىنلەر جىمى ئەھۋالى ۋە جىمى ئىشلىرىدا) ئاللاغىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 122- ئايەت).

ئابدۇللاھ ئىبنى ھەرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (جابىر رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسى) بۇ مۇناپىقلارغا مۇشۇنداق جىددىي پەيتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئەسلىتىپ قويماقچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن باردى ۋە ئۇلارغا سەپكە قايتىش توغرىسىدا چىرايلق نەسىھەت قىلىپ: «قايتىڭلار! ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىڭلار، ھېچبولمىغاندا مۇداپىئەدە بولسىمۇ تۇرۇپ بېرىڭلار»، دېگەندە، ئۇلار: «بىز ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى بىلسەك قايتمايتتۇق، ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ بولدۇق»، دەپ يۈز ئۆرۈپ مېڭىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ھەرام: «ئاللاھ سىلەرنى يىراق قىلسۇن، ئى خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى! ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىنى سەنلەرنىڭ ياردىمىدىن چوقۇم بىھاجەت قىلغۇسى!» دەپ قويۇپ قوشۇنغا قايتتى. بۇ مۇناپىقلار ھەققىدە ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿وليىْلم الّۇين نافقواْ وقيل لھمْ تىالواْ قاتلواْ في سبيل اللھ ۆو ادفىوا قالوا لوْ نىْلم قتالاً لاَتّبىْناكمْ ھمْ للْكفْر يوْمېِۇٍ ۆقْرب منْھمْ للإيمان يقولون بۆفْواھھم مّا ليْس فِي قلوبھمْ واللھ ۆىلم بما يكْتمون﴾ «ۋە مۇناپىقلارنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا: ‹كېلىڭلار، ئاللا يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى (ئۆزەڭلارنى) قوغداڭلار›، دېيىلسە، ئۇلار: ‹ئۇرۇشتىن خەۋەر تاپقان بولساق، ئەلۋەتتە، سىلەرگە ئەگىشەتتۇق (يەنى سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلاتتۇق)› دېدى. ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرىغا يېقىن ئىدى. ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىلەرنى ئېغىزلىرىدا دېدى، ئۇلار يوشۇررغاننى (يەنى نىفاق بىلەن مۇشرىكلىكنى) ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ». (سۈرە ئال ئىمران 167- ئايەت)

ئىسلام قوشۇنى ئوھۇد تېغىدا

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي باشچىلىقىدىكى مۇناپىقلار گۇرۇھى مۇسۇلمانلارغا قىيىن پەيتتە ئاسىيلىق قىلىپ، جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ كەتكەندن كىيىن، رەسۇلۇللا قالغانلار بىلەن دۈشمەن تەرەپكە قاراپ يولنى داۋاملاشتۇردى. مۇشرىكلار قوشۇنىنىڭ بىر قانچە جايدىكى ھەربىي بارىگاھلىرى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئوھۇد تېغى ئارىلىقىنى تۇسۇپ تۇراتتى. شۇڭا، ئۇ: «كىم بىزنى دۈشمەنگە ئۇچراشتۇرماي، ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە باشلاپ چىقالايدۇ»، دېدى. ئەبۇ خەيسەمە: «مەن باشلاپ چىقاي، ئى رەسۇلۇللاھ!» دەپ قوشۇننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ يول باشلاپ ماڭدى. ئۇ دۈشمەننىڭ بارىگاھىنى كۈن پېتىش (سول تەرەپ)كە تاشلاپ ئوڭ قولنى بېسىپ مېڭىپ بەنى ھارىسە ئايمىقى تەۋەسىدىكى تاشلىق ۋە ئېتىزلىقلار بىلەن ئۇھۇد تېغىغا چىققىلى بولىدىغان بىر چىغىر يولنى بويلاپ ماڭدى. قوشۇن بۇ يول داۋامىدا مىربەئ ئىبنى قەيزى (ئۇ كۆزى كور مۇناپىق ئىدى) نىڭ بېغىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. ئۇ ئىسلام قوشۇنىنىڭ ھويلىسىغا كىرگەنلىكىنى سەزگەندىن كېيىن قاتتىق چالۋاقاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىگە توپا چېچىپ ئاھانەت قىلغىلى تۇردى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «ھەرقانچە رەسۇلۇللاھ (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ) بولساڭمۇ بېغىمغا كىرىشكە يول قويمايمەن». بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر نەچچە كىشى ئۇنى ئۆلتۈرگىلى قىلىچلىرىنى شىمايلاپ بارغانىدى، رەسۇلۇللا: «ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار! ئۇ دېگەن دىلى كور، كۆزى قارىغۇ ئادەم ئىكەن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ قوشۇن بىلەن بۇ يەردىن ئۆتۈپ ۋادىنىڭ مەدىنىگە يىراق چېتىدىكى ئوھۇد تېغى باغرىغا بېرىپ چۈشتى. نەتىجىدە دۈشمەن قوشۇنى مۇسۇلمانلار بىلەن مەدىنە ئوتتۇرىسىدا پاسىل بولۇپ تۇردى

مۇداپىئە پىلانى

بۇيەردە رەسۇلۇللاھ قوشۇننى سەپەرۋەر قىلدى ۋە ئۇلارنى سەپكە تىزىپ جەڭگە تەييار تۇرغۇزدى. ئاندىن 50 دەك ئوقياچى مەرگەننى تاللاپ، ئوقياچى قىسىمى تەشكىللىدى ۋە ئالدىنقى يىلى بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئابدۇللاھ ئىبنى جۇبەير ئىبنى نۇئمان ئەنسارىنى بۇ قىسىمنىڭ قوماندانى قىلىپ تەيىنلىدى. ئاندىن ئۇلارنى قەنات ۋادىسىنىڭ جەنۇپ قىرغىقىغا – مۇسۇلمانلار قوشۇنى قوماندانلىق شىتابىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا تەخمىنەن 150 مىتېر يىراقلىقتىكى تاغ (تۆۋەندە بۇ تاغ ئوقياچىلار تېغى دەپ ئاتىلىدۇ) ئۈستىدىن ئورۇن ئېلىشقا بۇيرىدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، رەسۇلۇللاھ ئوقياچىلار قىسمىغا ئېيتقىنىدەك، دۈشمەن ئاتلىق قوشۇنىنىڭ ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، زەربە بېرىشىنى توسۇش ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ قىسمنىڭ قوماندانى ئابدۇللاھ ئىبنى جۇبەيرگە ئالاھىدە تاپىلاپ: «بىزنى ئوقيا كۈچى ئارقىلىق دۈشمەن ئاتلىق قوشۇنىنىڭ ئارقىدىن زەربە بېرىشىدىن قوغدىغىن، ئۇلار ئارقا تەرىپىمىزدىن كېلەلمىسۇن، مەيلى غەلىبە قىلايلى، مەيلى مەغلۇپ بولايلى، سەن ئورنۇڭدىن ئايرىلمىغىن، بىز بۇ تەرەپتىن خاتىرجەم بولايلى!» دېدى. ئاندىن ئوقياچىلارغا ئومۇمىيۈزلۈك بۇيرۇق قىلىپ: «سىلەر ئارقا تەرىپىمىزنى ئوبدان قوغداڭلار، بىز مەيلى يېڭەيلى، مەيلى يېڭىلەيلى، كارىڭلار بولمىسۇن (يەنە بىر رىۋايەتتە، مەغلۇب بولساق ياردەمگە كەلمەڭلار، غەنىمەت ئالغىلى باشلىساق، يىغىشىپ بېرەيلى دېمەڭلەر)»، دېدى.

ئىمام بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «گەرچە بىزنىڭ جەسەتلىرىمىزنى يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ تىتىپ يېگەنلىكىنى كۆرسەڭلارمۇ، مەن ئادەم ئەۋەتمىگۈچە ئورنۇڭلاردىن ئايرىلماڭلار، مەيلى غەلىبە قىلىپ، دۈشمەننىڭ گەجگىسىگە قىلىچ ئۇرساقمۇ، مەن ئادەم ئەۋەتمىگۈچە ئورنۇڭلاردىن ئايرىلماڭلار دېگەنىدى»، دېيىلدى. رەسۇلۇللاھ بۇ قىسىمنى يۇقىرىقىدەك كەسكىن ھەم قەتئىي ھەربىي بۇيرۇقلار بىلەن بۇ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم بۇ تاغقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇشرىكلار ئاتلىق قوشۇنىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، پىيادىلىكلەر قىسىمى ئالدىدىن ھۇجۇم قىلىپ، تەڭ قول سېلىش ۋە قورشاپ يوقىتىش ئېھتىمالى بولغان بىردىنبىر چوڭ يوچۇقنى ئەتتى. ئاندىن قالغانلارنى قىسىمغا بۆلۈپ، ئوڭ قانات قىسىمغا مۇنزىر ئىبنى ئەمرىنى، سول قانات قىسىمغا زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنى قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى. مىقداد ئىبنى ئەسۋەدنى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامغا ياردەمچى قىلىپ بەردى. زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام باشچىلىقىدىكى قىسىمغا، ئاساسلىقى خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىقىدىكى دۈشمەن ئاتلىق قوشۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى. قوشۇن ئىچىدىن بىر بۆلۈك باتۇر-ئەزىمەتلەرنى تاللاپ، ئالدىنقى سەپكە ئورۇنلاشتۇردى.

بۇ ھەقىقەتەنمۇ توغرا ۋە ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇش بولغانىدىكى، بۇنىڭدا رەسۇلۇللاھنىڭ ھەربىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى قابىلىيىتى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى. ھەر قانداق بىر ھەربىي ئالىم مەيلى ئۇنىڭ ئىقتىدارى قانچىلىك يۇقىرى بولۇپ كەتسۇن، بۇنىڭدىن پۇختا ۋە تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرالىشى ناتايىن. ئالايلى، رەسۇلۇللاھ ئۇرۇش مەيدانىغا دۈشمەن قوشۇنىدىن خېلى كېيىن يېتىپ كەلگەن تۇرۇقلۇق، جەڭ قىلىشقا ئەڭ ئەپلىك جاينى تاللاپ، ئىگەللىدى. ئارقا ۋە ئوڭ تەرىپىنى ئېگىز تاغ تىزمىلىرى بىلەن ئەتتى. سول تەرەپتىكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تۈزلەڭلىك خەۋپى بوشلۇقىنى ئوقياچىلار قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تولدۇردى. ئۆزىنىڭ قوماندانلىق شىتابى ئۈچۈن، تاساددىپىي مۇسۇلمانلارغا مەغلۇبىيەت يۈزلىنىپ قالسا، دۈشمەننىڭ قوغلاپ زەربە بەرگۈچى قىسىمىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالماي قېچىپ مۇداپىئەلىنىۋالغىلى بولىدىغان، ئەمما دۈشمەن تەرەپ بۇ جاينى ئىگەللىمەكچى بولسا، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرايدىغان، ئورنى ئېگىز، ئېستراتېگىيىلىك بىر جاينى تاللاپ بېكىتتى. دۈشمەنلەرنى بولسا ئۇلار مۇسۇلمانلارغا غالىب كەلگەن تەقدىردىمۇ ئاسانلىقچە ئۇرۇش مېۋىسنى قولغا چۈشۈرەلمەيدىغان، مەغلۇپ بولغان تەقدىردە مۇسۇلمانلار قوغلاپ زەربە بەرگۈچى قىسىمىنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قوتۇلالمايدىغان تۆۋەن بىر ئويمانلىقتا قالدۇردى. شۇنداقلا قوشۇنىنىڭ ئەسكىرى جەھەتتىكى ئازلىقىنى ساھابىلەر ئىچىدىكى ياراملىق، باتۇر ئەزىمەتلەردىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى تاللاپ ئالدىنقى سەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تولۇقلىدى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، ھىجىرىيىنىڭ 3- يىلى شەۋۋال (10-ئاي)نىڭ 7- كۈنى شەنبە سەھەر مەدىنە قوشۇنىنىڭ جەڭ تەييارلىقى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى.

رەسۇلۇللاھنىڭ قوشۇنغا جەڭگىۋارلىق روھى بەخىش ئىتىشى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ قوشۇنغا جەڭگىۋارلىق روھى بەخىش ئىتىشى”

رەسۇلۇللاھ قوشۇننى تاكى ئۆزى بۇيرۇق چۈشۈرمىگۈچە ئالدىراپ قول سېلىشتىن توستى. ئۈستىگە ئىككى ساۋۇتنى قوشلاپ كىيىپ، جەڭگىۋار قىياپەت بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە ئەمەلىي كۈچ چىقىرىپ، دۈشمەنگە يولۇققاندا قەتئىي سۇباتلىق ۋە جاسارەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، قولىدىكى يالتىراپ تۇرغان قىلىچىنى پۇلاڭلىتىپ: «كىم بۇ قىلىچنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئۆز جايىدا ئادا قىلالايدۇ؟» دېدى. بىر قانچەيلەن (ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام، ئۆمەر ئىبنى خەتتابلارمۇ بار ئىدى): «مەن، ئى رەسۇلۇللاھ!» دەپ ئالدىغا چىقتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىغا تېخىچە ئىپادە بىلدۈرمىگەنىدى. ئەبۇ دۇجانە (ئەسلى ئىسمى سىماك ئىبنى خەرشەنە) سەپتىن چىقىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ قىلىچنىڭ قانداق ھەقلىرى بار؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: «تاكى دۈشمەن ئارقىغا چېكىنگۈچە توختىماي ئۇرۇسەن، ئۇنىڭ ھەققى شۇ»، دېگەنىدى. ئەبۇ دۇجانە: «ئۇنداق بولسا ماڭا بەرگىن، ئۇنىڭ ھەققىنى مەن ئادا قىلاي»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ بۇ قىلىچنى ئەبۇ دۇجانىگە بەردى.

ئەبۇ دۇجانە جەڭخۇمار، باتۇر ئەزىمەت ئىدى. ئۇ جەڭنى كۆرسە تەنلىرى يايراپ، يۈرەكلىرى ئويناپ كېتەتتى. ئۇنىڭ بىر قىزىل بەلبېغى بار بولۇپ، ئۇ ھېلىقى بەلباغنى بېشىغا ئورىسىلا، كىشىلەر ئۇنى ئۆلۈم ئۈچۈن ئۇرۇشماقچى، دەپ بىلەتتى. بۇ قېتىم ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قىلىچىنى قولىغا ئېلىپلا، ھېلىقى قىزىل بەلۋېغىنى بېشىغا ئورىدى ۋە تەكەببۇرانە قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، سالماق قەدەم تاشلاپ، سەپلەرنى ئارىلاپ مېڭىپ چىقتى. رەسۇلۇللاھ بۇ چاغدا: «ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ مېڭىشلىرىنى مۇشۇنداق ئورۇندا ياقتۇرىدۇ»، دېدى.

مەككە قوشۇنىنىڭ جەڭ تەييارلىقى

ئەمما، مۇشرىكلار تەرەپمۇ قوشۇنلىرىنى ھەربىي ئىنتىزام بويىچە ئورۇنلاشتۇردى. ئەبۇ سۇفيان قوشۇننىڭ ئالىي باش قوماندانى بولدى. ئوڭ قانات قىسىمغا خالىد ئىبنى ۋەلىد (بۇ چاغدا ئۇ تېخى مۇشرىك ئىدى)، سول قانات قىسىمغا ئىكرەمە ئىبنى ئەبۇ جەھىل، پىيادىلىكلەرگە سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە، ئوقياچىلار قىسمىغا ئابدۇللاھ ئىبنى رەبىيئەلەر مەسئۇل قوماندان بولدى. ئەلەم ئابدۇددار جەمەتىدىن سۇباتلىق دەپ تونۇلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرگە تاپشۇرۇلدى. ئەلەمدارلىق شۇ جەمەتىنىڭ ئابدۇمانافنىڭ ئەۋلادلىرى بوۋىسى قۇسەي ئىبنى كىلابتىن مىراس قالغان ئەمەل-مەنسەپلەرنى بۆلۈشۈۋالغاندىن بېرى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئاتا مىراس ۋەزىپىسى ئىدى. ئەجدادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالغان تارىخى ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھېچ كىشى بۇ ئىمتىيازنى تارتىۋېلىشقا پېتىنالمايتتى. لېكىن، بۇ قېتىم قوشۇننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب بۇ جەمەت كىشىلىرىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغاپ، ئۇغۇزىنى ئېچىشتۇرۇپ، ئىرادىسىنى چىڭىتىش مەقسىتىدە بەدرى ۋەقەسىدە قۇرەيشلەرگە يەتكەن ئېغىر تالاپەتنى شۇ جەمەتتىن بولغان ئەلەمدار نەزر ئىبنى ھارىسنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئەسىر چۈشۈپ قالغانلىقىغا باغلاپ مۇنداق دېدى: «ئى ئابدۇددار جەمەتى! ئەلەمنى بەدرى كۈنىمۇ سىلەر كۆتۈرگەنىدىڭلار، كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، بەدرىدە بىزگە ئېغىر تالاپەت يۈزلەندى. قوشۇننىڭ ھايات-ماماتى ئەلەمگە باغلىق. ئەلەم يېقىلسا قوشۇن يېقىلىدۇ، دېگەن گەپ. شۇڭا ئەلەمنى چىڭ تۇتۇپ، بىزنى خاتىرىجەم قىلىڭلار ياكى ئۇنى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار، بىز سىلەرنى خاتىرىجەم قىلايلى». ئەبۇ سۇفيان بۇ قېتىم چوتنى دەل جايىدا سوققانىدى. ئابدۇددار جەمەتىنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ گېپىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ نارازى بولدى ۋە ئۇنىڭغا يۇپۇرلۇپ تەھدىت سېلىپ: «تېخى بىز ئەلەمنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمىزمۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىمىزنى ئۇرۇش بولغاندا كۆرگىن»، دېيىشتى.

ئابدۇددار جەمەتى ئۆز ۋەدىسىگە ھەقىقي ئەمەل قىلدى. ئۇلار جەڭ راسا كەسكىنلىشىپ، ئاساسلىق يوقىتىش نىشانى قىلىنغان ئەھۋالدىمۇ، جان-جەھلى بىلەن چىڭ تۇرۇپ ئاخىر ھەممسى يوقىتىلدى.

قۇرەيش دائىرلىرىنىڭ سىياسىي ھۇجۇم قوزغىشى

جەڭ چاقمىقى چېقىلىش ئالدىدا قۇرەيش دائىرىلىرى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ۋە ئۇلارنىڭ سېپىدە بۆلگۈنچىلىك ۋە ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن بىر مەيدان سىياسىي ھۇجۇم قوزغىدى. دۈشمەننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب ئەنسارلارغا مەكتۇپ ئېتىپ: «بىزگە ئۆز پۇشتىمىز (رەسۇلۇللاھنى دېمەكچى)نى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، بىز قايتىپ كېتەيلى، سىلەر بىلەن ئۇرۇشۇش نىيىتىمىز يوق»، دېدى. لېكىن تاغدەك مۇستەھكەم ئىمان ئالدىدا بۇنداق ھىيلە-نەيرەڭلەر نېمىگە كار قىلاتتى ؟! ئەنسارلار ئەبۇ سۇفيانغا جاۋاب قايتۇرۇپ قاتتىق دەككىسىنى بەردى ۋە قۇلىقىغا ئاڭلىتىپ ئاھانەت قىلدى. سائەت نۆل يېقىنلىشىپ، ئىككى تەرەپ دېۋەيلەپ كەلمەكتە ئىدى. قۇرەيش دائىرلىرى ئالدىنقىغا ئوخشاش يەنە بىر مەيدان سىياسىي ھىيلە-نەيرەڭ ئويۇنى ئوينىدى. خائىن ئەبۇ ئامىر (ئەسلى ئىسمى ئابدۇئەمرى ئىبنى سەيىپ، جاھىلىيەتتە ئۇ راھىپ دەپ ئاتىلاتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى پاسىق دەپ ئاتىغان، ئۇ ئەنسارلارنىڭ ئەۋس قەبىلىسىدىن بولۇپ، جاھىلىيەتتە خېلى ھۆرمەتلىنەتتى. مەدىنىدە ئىسلام دىنى ئومۇملىشىۋىدى، ئۇ بۇنىڭغا چىدىمىدى ۋە رەسۇلۇللاھقا قارىتا ئاداۋەت ئېلان قىلىپ، مەدىنىدىن چىقىپ كەتتى. ئاندىن ئۇدۇل مەككىگە بېرىپ، قۇرەيش دائىرلىرى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، رەسۇلۇللاھقا قارشى ئۇرۇش قوزغاشقا چاقىردى ھەمدە ئۇلارغا: «مېنىڭ قەۋمىم سىلەرنى باشلاپ چىققانلىقىمنى كۆرسە، چوقۇم مۇھەممەدنى تاشلاپ بىز تەرەپكە ئۆتىدۇ»، دەپ ۋەدە قىلدى. ئاندىن ئۇ تۇنجى بولۇپ، ئاققۇن ھەبەشلەر ۋە مەككىنىڭ ياللانما ئەسكەرلەر قاتارىغا ئۆزىنى تىزىملىتىپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقانىدى) ئۈنلۈك توۋلىدى ۋە ئۆز قەۋمىگە تونۇشلۇق بېرىپ: «ئى ئەۋس جامائەسى! مەن ئەبۇ ئامىر بولىمەن»، دېدى. ئەۋس قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: «ياخشىلىق كۆرمىگەيسەن، ئەي پاسىق!» دېيىشتى. ئەبۇ ئامىر: «ئىست قەۋمىم! مەندىن قېلىپ قاتتىق بۇزۇلۇپسىلەر»، دېدى (كېيىن ئۇ ئۇرۇش راسا قىزىغاندا، ئالايىتەن ئۆز جەمەتىنى ئىزدەپ تېپىپ، شۇلارغا قىلىچ تەڭلىدى ۋە تاش ئاتتى). مانا مۇشۇنداق قىلىپ قۇرەيش دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار سېپىگە تەپرىقىچىلىك سېلىش ئۈچۈن قوزغىغان ئىككىنچى قېتىملىق سىياسىي ھۇجۇمىمۇ بەربات بولدى. قۇرەيشلەرنىڭ بۇ ھىيلە-نەيرەڭ ئويۇنلىرىنى ئوينىشى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە مۇسۇلمانلاردىن كۆپ ئۈستۈن بولغىنى بىلەن يەنىلا قورقۇنچا ۋە ۋەھىمىدىن يۈرەكلىرى پۇلاڭلاپ، خەۋپسىرەپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.

قۇرەيش ئايال ئەسكەرلىرىنىڭ جەڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى

قۇرەيش ئايال ئەسكەرلىرى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئەبۇ سۇفياننىڭ ئايالى ھىندى بىنتى ئۇتبە بۇلارغا يېتەكچىلىك قىلاتتى. ئۇلار جەڭ سەپلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، غەزەل ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، داپ چېلىپ، ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق ئىرادىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى ۋە ئۇرۇشقا قىزىقتۇرۇپ، قارام تەلۋىلەرنىڭ قەھر-غەزىپىنى، قىلىچۋاز ۋە مۇبارىز چىلارنىڭ قېنىنى قىزىتتى. ئۇلار بىردەم ئەلەمدارلارغا قارىتىپ:

ئابدۇددار يىگىتىلىرى! ھوي، ھوي، ھوي… …،

ئارقا سەپ ھىماتلىرى! ھوي، ھوي، ھوي… …،

يالتىراق شەمشەر بىلەن،

ئېچىڭلار قىساس ئوتى ھوي، ھوي، ھوي… …،

دېگەن شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلسا، يەنە بىر دەم قوشۇنغا ئومۇمىيۈزلۈك خىتاب قىلىپ:

ئالغا باسساڭ سۆيەرمىز، ھوي، ھوي، ھوي … …،

چۈشەك بولۇپ باغاشلاپ، ھوي، ھوي، ھوي … …،

ئەگەر قاچساڭ قاچۇرمىز، ھوي، ھوي، ھوي … …،

ئۇرۇپ، تېپىپ، كاچاتلاپ، ھوي، ھوي، ھوي … …،

دېگەن شېئىرلىرىنى ئوقۇدى.

تۇنجى جەڭ ئۇچقۇنى

ئىككى تەرەپ دېۋەيلەپ كېلىپ، ئارىلىق يېقىنلىشىۋىدى، ھەر ئىككىلىسى قاتار سەپ تارتىپ تۇرۇشتى. دەل مۇشۇ پەيتتە سائەتنىڭ سىتىرېلكىسى ئۇرۇش پەيتىگە قەدەم قويدى-دە، مۇشرىكلارنىڭ ئەلەمدارى تەلھە ئىبنى ئەبى تەلھە مەيدانغا سەكرەپ چىقىپ تۇنجى بولۇپ جەڭ پىلىكىگە ئوت ياقتى. ئۇ قۇرەيش چەۋاندازلىرى ئىچىدە ئەڭ قارام، ئەڭ باتۇر دېگەن نام بىلەن تونۇلغانىدى. مۇسۇلمانلار ئۇنى قوشۇن سەركىسى دەپ ئاتايتتى. تەلھە راسا كېلىشكەن بىر نار تۆگىگە مېنىپ، مۇبارىزە تەلەپ قىلىپ مەيدانغا چۈشتى. كىشلەر ئۇنىڭ يۇقىرى شىجائىتىنى بىلگەچكە بىر ئاز تەپتارتقان چېغى، سەپ تىمتاسلىققا چۆمدى. لېكىن سەپلەرنى ئارىلاپ ئالدىغا چىققان زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام بۇ جىمجىتلىقنى بۇزدى. ئۇ تەلھەگە قارشى مەيدانغا چۈشۈپلا، يۈگۈرگەن پېتى يولۋاستەك سەكرەپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەينىگە مىنىۋالدى، ئاندىن ئۇنى ھەش-پەش دېگۈچە پومىداقلاپ يەرگە يىقىتىپ، قىلىچ بىلەن گاچ قويۇپ ئۇنىڭ كاللىسىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتتى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئاجايىپ ئېلىشىشنى كۆرۈپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر»، دەپ توۋلىۋەتتى. مۇسۇلمانلارمۇ تەڭ: «ئاللاھۇ ئەكبەر»، دەپ توۋلاشتى. مەيداندا پەلەككە يەتكەن ياڭراق ئەكىس سادا پەيدا بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام زۇبەيرنىڭ بۇ ھىممىتىگە ئاپرىن ئوقۇپ: «ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ، مېنىڭ قوغدىغۇچىم زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام»، دېدى.

مۇشرىكلار ئەلىمىنىڭ ئەتراپىدا كەسكىن جەڭ بولغانلىقى ۋە ئەلەمدارلارنىڭ ھەممىسى يەر چىشلىگەنلىكى

تەلھەنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ ئۇرۇش ئوتى يامراپ كەتتى. جەڭ مەيدانىنىڭ ھەممە يېرىدە ئىككى تەرەپ كەسكىن تۇتۇشۇپ قېلىشتى. ئۇرۇشنىڭ ئۆلۈش ۋە ئۆلتۈرۈش چاقى مۇشرىكلار ئەلىمىنىڭ ئەتراپىدا كۆپرەك ئايلاندى. ئابدۇددار جەمەتىنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ باش سەركەردىسى تەلھە ئىبنى ئەبى تەلھە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چۈشۈپ، ئەلەمنى يىقىتماي كۆتإرإپ، ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلدى. ئەلەمنى تەلھەدىن كېيىن ئۇنىڭ قېرىندىشى ئوسمان ئىبنى ئەبۇ تەلھە كۆتۈردى. ئۇ مەيدانغا چۈشۈپ مۇنداق بىر مىسرا شېئىر ئوقۇدى:

ئەلەمدارلارغا مەجبۇرىيەت، ئەلەمنى قەد كۆتۈرتمەكتۇر،

زەپەر ئىيلە قۇچۇپ غەلىبە يا شەرەپ ئىيلە ئۆلمەكتۇر.

ئۇنىڭغا قارشى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ مەيدانغا چۈشۈپ، ھەش-پەش دېگۈچە ئۇنىڭ بىر قولىنى بىر قانچە يان قوۋۇرغىسى بىلەن بوقۇرۇۋەتتى. نەتىجىدە ئۇنىڭ يەل خالتىسى ۋە جىگەر، تاللىرى ئاشكارا كۆرۈنۈپ قالدى. ئاندىن ئەلەمنى ئەبۇ سەئەد ئىبنى ئەبۇ تەلھە قولىغا ئېلىپ، ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلاتقىلى تۇردى، سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راسا چەنلەپ بىر پاي ئوق ئېتىۋىدى، ئوق ئۇنىڭ گەجگىسىگە نەق تېگىپ، ئۇنىڭ تىلىنى چىقىرىۋەتتى. ئۇ ئورنىدىن قوزغىلالمايلا جان ئۈزدى (يەنە بىر رىۋايەتتە ئەبۇ سەئەد مەيدانغا چۈشۈپ، مۇبارىزە تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭغا قارىتا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب چۈشۈپ، بىر-ئىككى قىلىچ سوقۇشتۇرۇپلا، ھايال قىلماي جەھەننەمگە ئۇزىتىۋەتكەن). ئەبۇ سەئەد ئىبنى ئەبۇ تەلھە يەر چىشلىگەندىن كېيىن ئەلەمنى مۇسافىئ ئىبنى تەلھە ئىبنى ئەبۇ تەلھە كۆتۈردى. ئۇ ئەلەمنى قولىغا ئېلىشىغىلا ئاسىم ئىبنى سابىت بىر پاي ئوق ئإزإپ، ئۇنىڭ پور تېرىكىنى ياچاق ئوقى بىلەن شاخلىتىپ قويدى. ئۇ «گۈپ» قىلىپ يىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىقىلغان ھامان ئەلەمنى ئۇنىڭ قېرىندىشى كىلاب ئىبنى ئەبى تەلھە كۆتۈردى. ئۇنىڭغا زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام چىققانىدى، ئىككىيلەن ئازراق تىركىشىپ، ئاخىر زۇبەير غالىب كەلدى ۋە ئۇنىڭ بېشىنى ئۈزۈۋەتتى. ئاندىن ئەلەمنى مەزكۇر ئىككىيلەننىڭ ئۈچىنچى قېرىندىشى جەللاس ئىبنى تەلھە كۆتۈرگەنىدى. ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلاردىن تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ بىر نەيزە ئۇرۇپ جېنىدىن جۇدا قىلدى (يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇنى ئاسىم ئىبنى سابىت ئوق بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن، دېيىلىدۇ). مانا بۇ ئالتە نەپەر ئەلەمدار بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، ھەممىسى ئەبى تەلھە (ئەسلى ئىسمى ئابدۇللاھ ئىبنى ئوسمان ئىبنى ئابدۇددار)نىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. ئۇلار مۇشرىكلارنىڭ ئەلىمى ئەتراپىدا قاتار ياتقۇزۇۋېتىلدى. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى تولۇق تۈگىگەندىن كېيىن ئەلەمنى ئابدۇددار جەمەتىدىن ئەرتەئە ئىبنى شۇرەھبىل كۆتۈردى. ئۇنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئۆلتۈردى (يەنە بىر رىۋايەتتە ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ ئۆلتۈرگەن دېيىلىدۇ). ئاندىن ئەلەمنى شۇرەيـھ ئىبنى قارىز كۆتۈرگەنىدى. ئۇنى قەزمان (ئۇ گەرچە مۇناپىق بولسىمۇ، ئىسلام ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تەرەپبازلىق ئىدىيىسى بىلەن جەڭگە قاتناشقانىدى) ئۆلتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەلەمنى ئەبۇ زەيد (ئەسلى ئىسمى ئەمر ئىبنى ئابدۇماناف) قولىغا ئېلىۋىدى، ئۇنىمۇ قەزمان ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاندىن ئەلەمنى شۇرەھبىل ئىبنى ھاشىم (ئەبدەرىينىڭ يەنە بىر ئوغلى) كۆتۈرگەنىدى. ئۇنىمۇ قەزمان ئۆلتۈردى. مانا بۇ ئەلەمدارلار جەمەتىدىن بولغان ئون كىشى بىرسىمۇ قالدۇرۇلماي تولۇق يوقىتىلغاچقا، ئەلەمنى كۆتۈرىدىغانغا بۇ جەمەتتىن ئادەم چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ جەمەت كىشىلىرىنىڭ بىرسىنىڭ سەۋۋاپ ئىسىملىك بىر نېگىر قۇلى ئالدىغا چىقىپ، ئەلەمنى تىك كۆتۈردى. ئۇ شۇنداق جاسارەت ۋە شىجائەت كۆرسەتتىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئەلەمدار خوجايىنلىرىنىڭ ھېچقايسىسى بۇنىڭدەك سۇباتلىق ۋە چىدامچانلىق كۆرسەتمىگەنىدى. ئۇ ئەلەمنى كۆتۈرۈپ، داۋاملىق ئۇرۇشتى. ھەتتا بىر چاغدا قولى كېسىپ تاشلىنىۋىدى، ئەلەم خادىسىنى بوينى بىلەن مۆرىسىگە قىسىپ، ئەلەمنى يىقىلىشتىن قوغداپ تۇردى. شۇنداقتىمۇ ئەجەل قىلىچى ئاخىر ئۇنى ئارزۇسىغا يەتكۈزمىدى. ئەلەم خادىسى ئۇنىڭ بوينىدىن ئاجىراپ يىقىلدى. ئۇ ئۈستى-بېشىغا قىلىچ چۈشۈۋاتسا: «ئەي ئاللاھ! بۇرچۇمنى ئادا قىلدىممۇ؟» دەيتتى. سەۋۋاپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەلەم يەرگە تاشلىنىپ قالدى.

ئۇنى كۆتۈرىدىغانغا ئادەم چىقمىغاچقا، توپىغا پۇچىلىنىپ، پاتپاراقچىلىقتا دەسسىلىپ قالدى.

ھەر قايسى نۇقتىلاردىكى جەڭ قاينىمى

ئۇرۇش چاقى مۇشرىكلارنىڭ ئەلىمى ئەتراپىدا ئۆلۈش-ئۆلتۈرۈش بىلەن جىددىي ئايلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، جەڭ مەيدانىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا كەسكىن ھەم دەھشەتلىك ئۇرۇشلار بولۇۋاتاتتى. ئىمان روھى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدە ھەقىقىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، كۇفرى قوشۇنىنى شۇنداق سۈر توقاي قىلدىكى، ئۇلۇغ كەلكۈنگە توغان كار قىلمىغاندەك، ئۇلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئالدىدا دۈشمەن سەپلىرى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئۇلار: «ئەمىيت، ئەمىيت»، دەيتتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئوھۇد ئۇرۇشىدىكى مەخپىي بەلگىسى ئىدى. ئاشۇ قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىدە ئەبۇ دۇجانە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) رەسۇلۇللاھنىڭ قىلىچىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا ھەقىقىي ئىرادە باغلىغان ھالدا جەڭ مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. ئۇ دۈشمەن بىلەن باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇشۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ سەپلىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتى. ئۇ ئالدىغا كەلگەنلا مۇشرىكنى ئۆلتۈرۈپ، مۇشرىكلار سېپىنى پاتپاراق قىلىۋەتتى.

زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھتىن قىلىچنى ماڭا بېرىشنى ئۆتۈنگەن بولساممۇ، ئۇنى ماڭا بەرمەي ئەبۇ دۇجانىگە بەرگەن چېغىدا رەسۇلۇللاھتىن ئاغرىنغانىدىم. كۆڭلۈمدە: ‹مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ھاممائاچىسى سەفىييەنىڭ ئوغلى، قۇرەيشتىن تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئالدىغا قىلىچقا قول تەڭلەپ ئەبۇ دۇجانىدىن بۇرۇن بارغان تۇرسام، يەنىلا ئۇ قىلىچنى ماڭا بەرمەي ئەبۇ دۇجانىگە بەردى. ئەزبىرايى خۇدا ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىر كۆرمىسەم›، دېدىم-دە، ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىدىن ھېلىقى قىزىل بەلۋىغىنى چىقىرىپ، بېشىغا ئورىدى. ئەنسارلار بۇنى كۆرۈپ: ‹ئەبۇ دۇجانە ئۆلۈم سەللىسىنى بېشىغا ئورىدى›، دېيىشتى. ئۇ سەللىنى ئورىۋېتىپ، جۇشقۇن، روھلۇق، ئەمما مۇڭلۇق ئاھاڭدا مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىر ئوقۇدى.

مەنكى دوستۇم، ۋەدە ئالغان مەرتتۇرمەن،

تاغ باغرىدا ئەزىمەتلەر ئالدىدا.

خۇدا-رەسۇل قىلىچىنى ئوينۇتۇپ،

تۇرمىغايمەن ئارقا سەپتە، دالدىدا.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ جەڭ مەيدانىغا ئېتىلپ كىرىپ، ئۇدۇل كەلگەنلا مۇشرىكنى جەھەننەمگە ئۇزىتىپ ماڭدى. مۇشرىكلار قوشۇنىدا بىزنىڭ يارىدارلىرىمىزغىمۇ رەھىم قىلماي قىلىچ ئۇرۇپ كېتىۋاتقان بىر كىشى كۆزگە چېلىقتى. كەسكىن جەڭ داۋامىدا بۇ ئىككى كىشى بىر-بىرىگە يېقىنلاپ قالدى. مەن شۇئان ئاللاھتىن تىلىدىمكى، بۇ ئىككىسى بىر ئۇچراشقىيدى، دېگەندەك بۇ ئىككىيلەن تۇتۇشۇپ قالدى-دە، بىر-بىرىگە بىر-ئىككىدىن قىلىچ ئۇرۇشتى. مۇشرىك كىشى ئەبۇ دۇجانىگە قىلىچ ئۇرغانىدى. ئەبۇ دۇجانە قالقان بىلەن قوغداندى. نەتىجىدە قالقان ئۇنىڭ قىلىچىنى چىشلىۋېلىپ، ئەبۇ دۇجانىگە پۇرسەت يارىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ دۇجانە ئۇنىڭغا بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئۇنى جەھەننەمگە ئۇزۇتىۋەتتى.

ئاندىن دۈشمەن پىيادىلىكلەر قىسمىنىڭ ئىچكى قىسمىغا قىلىچ ئۇرۇپ ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتى. ھەتتا بىر چاغدا قۇرەيش ئايال قوشۇنلىرىنىڭ باشلىقى ھىندى بىنتى ئۇتبىنىڭ يېنىغا بېرىپ قالدى. ئۇ كۆز ئالدىدا تىكلىشىۋاتقان بۇ كىشىنىڭ ئايال كىشى چىقىپ قېلىشىنى ئويلىمىغانىدى».

ئەبۇ دۇجانە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئوھۇد كۈنى بىر كىشىنىڭ بىز تەرەپتىن يارىدار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا قىلىچلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ قىلىچ ئۇرماقچى بولغانىدىم، ئۇ چىرقىراپ تاشلىدى، قارىسام، ئۇ ئايال كىشى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قىلىچىنى ئايال كىشىنىڭ قېنى بىلەن بۇلغاشتىن نومۇس قىلدىم-دە، ئۇنىڭدىن قىلىچىمنى تارتتىم. بۇ خوتۇن ئەبۇ سۇفياننىڭ ئايالى ھىندى بىنتۇ ئۇتبە ئىكەن».

زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەبۇ دۇجانىنىڭ ھىندى بىنتى ئۇتبىنىڭ بېشىغا قىلىچىنى راسا تەڭلەپ بولۇپ، قىلىچىنى ئاستا تارتىۋالغانلىقىنى كۆردۈم ۋە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەر، دېدىم».

ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)مۇ گويا دەرغەزەب بولغان يولۋاستەك، تەڭداشسىز جاسارەت بىلەن ئۇرۇشتى. ئۇ مۇشرىكلار قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرىغىلا سەكرەپ كىرىپ، ئاجايىپ قارام، ئاجايىپ باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇشتىكى، جەڭدە ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان خېلى-خېلى باتۇرلارنىڭ بېشىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا گويا ئۈششۈك تەگكەن غازاڭدەك تۆكۈلەتتى. ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئەلەمدارلىرىنى يوقۇتۇپ، دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ باشقا نۇقتىلىرىدىكى سەركەردە باتۇرلىرىغىمۇ قاقشاتقۇچ زەربىلەرنى بېرىۋاتقان ھالەتتە يىقىلدى. ھالبۇكى، بۇ چاغدا ئۇ مۇبارىزچىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. ئۇ جەڭ مەيدانىدا تىغمۇ-تىغ ئېلىشىپ، رەقىبى تەرىپىدىن يېقىتىلغان بولماستىن، بەلكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى.

ئاللاھنىڭ يولۋىسى، غازىلارنىڭ سەركىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ قەستكە ئۇچرىشى

ھەمزە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ قاتىلى ۋەھشى ئىبنى ھەرب مۇنداق دېگەن: «مەن ئەسلىدە جۇبەير ئىبنى مۇتئىمنىڭ قۇل-چاكىرى ئىدىم. جۇبەيرنىڭ تاغىسى تۇئەيمە ئىبنى ئەدىي بەدرى ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنىدى. شۇڭا ئۇ كېيىنكى يىلى قۇرەيشلەر ئوھۇد ئۇرۇشىغا ئاتلانغاندا، مېنى ئالايىتەن چاقىرتىپ، ئەگەر بۇ قېتىم تاغام تۇئەيمنىڭ بەدىلىگە مۇھەممەدنىڭ تاغىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بېرەلىسەڭ، سەن ئازاد»، دەۋەتتى. مەن بىر نېگىر يىگىت بولۇش سۈپىتىم بىلەن نېگىرلارغا خاس نەيزىۋازلىق ماھارىتى بىلەن تونۇلغانىدىم. نەيزە ئۇرسام ھامان نەخ تېگەتتى. شۇڭا مەن قۇرەيشلەر توپىغا قېتىلىپ چىقتىم. ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىپ، گىرەلەشمە جەڭ باشلىنىۋىدى، مەن چىقىپ ھەمزىنى كۆزىتىپ، قارىغا ئېلىشقا باشلىدىم. ھەتتا ئۇ بىر چاغدا كىشىلەر ئارىسىدا گويا ئاق تۆگىدەكلا كۆرۈنۈپ قېلىۋىدى، بىر تۈپ دەرەخ (ياكى بىر قورام تاش)نىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، ھەمزىنى قارىغا ئېلىپ ئولتۇردۇم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئالدىغا كەلگەننى ئۆلتۈرۈپ، ھېچكىشى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايۋاتاتتى. ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ ئالدىغا سىبائ ئىبنى ئەرفەتە قىلىچ تەڭلەپ باردى. ھەمزە ئۇنى كۆرۈپ: «كېلە! ئى جىگدىچى قېرىنىڭ بالىسى!» دېدى-دە، ئېتىلىپ كېلىپ، سىبائقا بىر قىلىچ ئۇرۇپلا ئۇنىڭ بېشىنى دومىلىتىۋەتتى. سىبائ دەلدەڭشىپ، بىر-ئىككى قەدەم ئېلىپ يىقىلدى. مەن نەيزەمنى راسا چەنلەپ كۈچەپ ئاتتىم. نەيزە بېرىپ ئۇنىڭ سۆڭگىچىگە نەق تەگدى، ھەتتا نەيزىنىڭ ئۇچچى ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدىن چىقىپ قالدى. ئۇ بۇ چاغدا ماڭا ئېتىلىپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بەرداشلىق بېرەلمەي يىقىلدى. مەن ئۇنى شۇ پېتى قويۇپ قويدۇم. ئۇ ئاخىر جان ئۈزدى. ئاندىن كېلىپ ئۇنىڭدىن نەيزىنى سۇغۇرۇۋالدىم-دە، بارىگاھقا قايتىپ ياتتىم. ھەمزىدىن باشقا ھېچ كىشى بىلەن كارىم بولمىدى. چۈنكى، مەن ھەمزىنى پەقەت قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا ئۆلتۈرگەنىدىم. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ مەككىگە قايتىپ كېلىۋىدۇق، مېنى ئازاد قىلىۋەتتى».

ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش

ئاللاھنىڭ يولۋىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ شېھىت قىلىنىشى مۇسۇلمانلارغا قارىتا زور يوقىتىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمانلار يەنىلا غەزەپنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جەڭ قىلىپ ۋەزىيەتنى تامامەن كونترول قىلدى. شۇ كۈنى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام، مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، ئابدۇللاھ ئىبنى جەھشى، سەئەد ئىبنى مەئاز، سەئەد ئىبنى ئۇبادە، سەئەد ئىبنى رەبىيئە ۋە ئەنەس ئىبنى نەزرى قاتارلىق كاتتا ساھابىلەر شۇنداق قاتتىق، شۇنداق باتۇرانە جەڭ قىلدىكى، ئۇلارنىڭ جاسارىتى ئالدىدا مۇشرىكلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى سۇنۇپ، ئىرادىسى بوشاپ كەتتى.

يۇمشاق راھەت تۆشەكتىن قىلىچ-قالقان بىسىغا

شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە ماماتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلغان ياراملىق ئوغلانلار ئىچىدە (پەرىشتىلەر غۇسلى قىلدۇرغان) ھەنزەلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بار ئىدى (ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ھەنزەلە ئىبنى ئەبۇ ئامىر. ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ ئامىر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پاسىق راھىب ئەبۇ ئامىردۇر). شۇ كۈنلەردە ھەنزەلە تېخى يېڭىلا ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئەمدىلا ئايالى بىلەن بىر تەكىيگە باش قويغانىدى. ئۇ جەڭ تاراڭ-تۇرۇڭلىرىنى ئاڭلاپ، ئايالىنىڭ قوينىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، جەڭ مەيدانىغا ئات چاپتۇردى. ئۇ جەڭ مەيدانىدا مۇشرىكلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ، سەپلەرنى بۆسۈپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئاخىرى بىر چاغدا مۇشرىكلارنىڭ ئالىي باش قوماندانى ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەربنىڭ قېشىغا بېرىپ قالدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئاز قالغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا شېھىتلىك مەرتىۋىسى ئاتا قىلدى. ئۇ ئەبۇ سۇفيانغا ھۇجۇم قىلىپ، ھەر تەرەپتىن قىستاپ ئاخىر باش ئەگدۈرەي دېگەندە، ئۇنى شەدداد ئىبنى ئەسۋەد (مۇشرىكلارنىڭ تەلۋە پالۋىنى) كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا قىلىچ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.

ئوقياچىلار قىسمىنىڭ تۆھپىسى

رەسۇلۇللاھ تاغ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرغان ھېلىقى ئوقياچى ئەزىمەتلەرنىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن زور بولدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد، خائىن ئەبۇ ئامىر باشچىلىقىدىكى دۈشمەن ئاتلىق قوشۇنى ئىسلام قوشۇنىنىڭ سول قانات قىسمىنى بىتچىت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينى تەرىپىگە ئۆتۈپ، مۇسۇلمانلارنى قورشاپ يوقىتىش شارائىتى ھازىرلاش ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن ئۇدا ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى. لېكىن بۇ مەرگەن ئەزىمەتلەر ئۇلارغا قار-يامغۇردەك ئوق ياغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ئۇلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزمىدى.

مۇشرىكلار مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندى

شىددەتلىك ئۇرۇش چاقى مانا مۇشۇنداق جىددى ھەم كەسكىن ئايلانماقتا ئىدى. سانى ئاز، ئاددىي قوراللار بىلەن قوراللانغان ئىسلام قوشۇنى كۈچلۈك ئېتىقاد، ئىلاھىي ئىدىيە بىلەن جەڭ مەيدانىدا ئاساسىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىش مۇمكىنچىلىكى مۇقەررەرلىشىپ قالدى. دۈشمەن قوشۇنىنىڭ قەھرىمان-پالۋانلىرىمۇ ئىرادىسى بوشاپ، جان قۇتقۇزۇپ، قېچىش كويىغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ ئارىنىڭ چىشىدەك قاتار تىزىلغان جەڭ سەپلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئالدىدا ئوڭ-سول، ئالدى-كەينى ھەممە تەرەپتىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يىمىرىلىپ، 3000 دىن ئارتۇق مۇشرىك قوشۇنى نەچچە يۈز مۇسۇلمان بىلەن ئەمەس، بەلكى گويا 30 مىڭ مۇسۇلمان قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىۋاتقاندەك ھالسىراپ كەتتى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ كۆزىگە جاھاندا تەڭدىشى يوق باتۇر-ئەزىمەتلەر سۈپىتىدە كۆرۈندى.

قۇرەيش قوشۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ سەلدەك كېلىۋاتقان ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىر تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئادەملىرىنىڭ ئىرادىسى بوشىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ (ئەمەلىيەتتىمۇ قۇل ئەلەمدار سەۋۋاپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەلەم يەرگە تاشلىنىپ، تۇپىغا پۇچىلىنىپ قالغان بولۇپ، ھېچكىشى ئۇنى قەد كۆتۈرتۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانىدى) چېكىنىشكە باشلىدى ۋە جان قۇتقۇزۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇزۇندىن بېرى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يالقۇنجاۋاتقان قىساس ئوتلىرى بىردىنلا ئۆچۈپ، يوقالغان شان-شەرەپ ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنى قايتا تىكلەش شېرىن خىياللىرى قاغا-قۇزغۇن بولۇپ، ئۇچماقتا ئىدى.

ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: «بىر مەيدان كەسكىن جەڭدىن كېيىن ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا غەلىبە ئاتا قىلدى ۋە ئۆز ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بەردى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى بۇغداي ئورغاندەك ئوراپ، قىلىچلاپ، ئاخىرى جەڭ مەيدانىدىن قوغلاپ چىقاردى. شەك-شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمانلار مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلغانىدى. مۇشرىكلار جان قايغۇسىغا چۈشكەنىدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير (ئىبنى ئاۋۋام)دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە زۇبەير: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن شۇ كۈنى مۇشرىك ئايال ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىقى ھىندى بىنتى ئۇتبە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بار-يوق نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاشلاپ، كىيىملىرىنى شىمايلاپ قېچىپ كېتىۋاتقاندا، پۇتلىرىدىكى بىلەيزۈك ۋە خالخال لارنىڭ ئېچىلىپ پارقىراپ قالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسىگە قارىماي قېچىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم» دېگەن.

سەھىھۇلبۇخارىدا بەررائ ئىبنى ئازىب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «بىز مۇشرىكلار بىلەن بىر مەيدان كەسكىن جەڭ قىلىۋىدۇق، ئۇلار تىكىۋېتىشتى. ھەتتاكى، مەن ئايال ئەسكەرلەرنىڭ يۈگۈرۈشۈپ، پۇتلىرىنىڭ خالخال بىلەيزۈكلىرى ئېچىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەنىدىم. مۇسۇلمانلار بىر تەرەپتىن قوغلاپ ئۆلتۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسىر ئېلىپ، ئولجىلارنى يىغىشقا باشلىدى»، دېيىلگەن.

ئوقياچىلار قىسىمىنىڭ ئېغىر سەۋەنلىكى

سان ۋە سۈپەت جەھەتتە رەقىبلىرىدىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدىغان ئىسلام غازاتچى قوشۇنى مەككە قوشۇنى ئۈستىدىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلىپ، بەدرى كۈنىدىكىدىن غەلىبىسى زور، تەسىرى تېخىمۇ چوڭ يەنە بىر غەلىبىنى تارىخ بېتىگە پۈتەي، دەپ تۇرغاندا ئوقياچىلار قىسىمىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر ئىنتايىن ئېغىر بىر سەۋەنلىك سادىر قىلىپ، ۋەزىيەتنى تامامەن ئۆزگەرتىۋەتتى ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۇنتۇلغۇسىز ئېغىر مۇسىبەتلەرنى كەلتۈردى، ھەتتا جانابىي رەسۇلۇللاھ ئەلەيـھىسەلاتۇ ۋەسسەللەمنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىغىلى تاسلا قالدى ھەمدە بەدرى غەلىبىسىدىن كېيىن مۇسۇلمانلار قولغا كەلتۈرگەن سىياسىي ئورۇنغا ئىنتايىن يامان تەسىر كۆرسەتتى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ئوقياچى قىسىمغا ئالدىنقى سەپ مەيلى غەلىبە قىلسۇن، ياكى مەغلۇب بولۇپ چېكىنسۇن تاغ ئۈستىدىكى ئورۇننى قەتئىي بوشاتماسلىق ھەققىدىكى بەرگەن ھەربىي بۇيرۇقنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئالدىنقى بابلاردا بايان قىلىپ ئۆتتۇق. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەن مال-مۈلۈكلىرىنى غەنىمەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئەمر-پەرمانلارغا سەل قاراپ، دۇنيا ئوقەت توپلاش قىزغىنلىقىغا ئەسىر بولۇپ كەتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە: «غەنىمەت يىغايلى، غەنىمەت…» ئادەملىرىمىز غەلىبە قىلىپ بولغان تۇرۇقلۇق يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىمىز؟» دېيىشىپ، ۋەسۋەسە تارقاتتى. ئەمما، ئوقياچىلار قوماندانى ئابدۇللاھ ئىبنى جۇبەير ئۇلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئەسلىتىپ: «ئى مۇسۇلمانلار! رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرگە نېمە دېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر قومانداننىڭ بۇ ئەسلەتمىسىگە قۇلاق سالماي، «بىزمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن يېتىۋېلىپ، غەنىمەت يېغىۋېلىشىمىز كېرەك»، دېيىشىپ، 40 كىشى تاغدىن چۈشۈپ قوشۇنغا قوشۇلۇۋالدى. شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقا سېپى مۇداپىئەسىز قالدى. ئارقا سەپتە ئابدۇللاھ ئىبنى جۇبەير باشلىق 10 نەپەر ئادەم ئاخىرقى نەپەسكىچە رەسۇلۇللاھ بەلگىلىگەن ئورۇندىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ، مۇستەھكەم تۇردى.

خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىسلام قوشۇنىنى قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتىنى قايتا قوزغىدى

دۈشمەن ئاتلىق قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى خالىد ئىبنى ۋەلىد بۇ ئالتۇن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلدى-دە، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقا سېپىگە ئاتلىرىنى ئۇچۇتتى. ئۇ ھېلىقى تاغ ئېغىزىدىكى ئۆتۈشمىدە جىق كۈچ سەرپ قىلمايلا ئابدۇللاھ ئىبنى جۇبەير ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقا سېپىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاتلىق چاپارمەنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كەينىدىن يېتىپ كېلىپ بىر چۇقان كۆتۈرۈۋىدى، جان قۇتقۇزۇپ قېچىۋاتقان مۇشرىك ئەسكەرلىرى ئۆزگىچە يېڭى بىر بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ، ئارقىغا بۇرۇلۇپلا كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، قىلىچ تەڭلىدى. ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، مۇشرىك ئايال ئەسكەرلىرىدىن بىرى (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ بەنى ھارىس جەمەتىدىكى ئۆمرە بىنتى ئەلقەمە ئىكەن) ئالمان-تالمان يۈگۈرۈپ بېرىپ، مۇشرىكلارنىڭ ئاياغ-ئاستىدا دەسسىلىپ توپىغا مىلىنىپ كەتكەن ئەلەمىنى كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن قېچىپ كېتىۋاتقان ياكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولۇپ قايتقان بىر قانچە مۇشرىك ئەسكىرى ئەلەم ئەتراپىغا جەم بولدى ۋە بىرلىشىپ كۈچ ئۇيۇشتۇردى. ئۆزئارا چاقىرىشىپ، سەپ تەشكىللىدى. ھەتتا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا خېلى زور بىر توپ مۇشرىك قوشۇنى تەشكىللىنىپ، مۇسۇلمانلارغا قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئۆتتى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار ئالدى-كەينى ھەر ئىككىلى تەرەپتىن قورشىلىپ ئىككى تاش ئارىلىقىدا سوقۇلۇشقا باشلىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ دۈشمەننىڭ قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتىگە تۇتقان مەيدانى

رەسۇلۇللاھ بۇ چاغدا بىر قانچە كىشى (توققۇز ساھابە) بىلەن قوشۇننىڭ كەينىدىرەك بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ جەڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ مۇشرىكلارنى قوغلاپ يوقىتىش ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتقانىدى. ئۇشتۇمتۇت خالىد ئىبنى ۋەلىد ئاتلىق قوشۇنى بېسىپ كەلدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا پەقەت ئىككىلا يول قالغانىدى.

بىرى، ئۇ ئۆزىنى ۋە يېنىدىكى توققۇز نەپەر كىشىنى ئېلىپ (تېزدىن) بىخەتەر قولايلىق ماكانغا بېرىۋېلىپ، قورشاۋدا قالغانلارنى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن تەقدىرگە تاشلىۋېتىپ ئۇلار بىلەن كارى بولماسلىق.

يەنە بىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە يولۇقۇشىغا قارىماي، ئەتراپتا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى چاقىرىپ، ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، تاغ باغرىدا قورشاۋدا قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىغا يول ئېچىپ، ئىلگىرىلىيەلەيدىغان كۈچلۈك بىر ئالدىنقى سەپ قالقىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

مانا مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق جىددىي پەيتتە رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھتىن ئۆزگە ھېچنېمىدىن قورقماس، جەسۇر قىياپىتى ۋە تەڭداشسىز باتۇرانە شىجائىتى ئىنتايىن تەسىرلىك رەۋىشتە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن: «ىباد اللھ!»، «ىباد اللھ!» (ئى مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ئى مۇئمىن قېرىنداشلار!)، دەپ توۋلىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇ ئاۋازىنى مۇسۇلمانلار ئاڭلاپ بولغۇچە، مۇشرىكلارنىڭ ئاڭلاپ قالىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان بىلەتتى. لېكىن ئۇ مۇشۇنداق جىددىي ھەم ھالقىلىق پەيتتە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدى ۋە ئۇلارنى چاقىرىپ، كۈچ تەشكىللەش ۋە قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى.

راست دېگەندەك مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ قېلىپ، مۇسۇلمانلار ئاڭلاپ يېتىپ كەلگۈچە ئاللىبۇرۇن باستۇرۇپ كېلىپ بولدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ گاڭگىراپ قېلىشى

ئەمما، مۇسۇلمانلار قوشۇنى دۈشمەن قوشۇنىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن قاتتىق گاڭگىراپ قالدى. بىر بۆلۈكلىرىنىڭ ئەقلى-ھۇشى ئۇچتى. ئۇلارنىڭ ئەس-يادى پەقەت ئۆز جېنىنى مۇھاپىزەت قىلىشلا بولۇپ، جەڭ مەيدانىنى تاشلاپ تىكىۋېتىش ئويىدا بولدى. ئۇنداق قىلغاندا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى يادىغىمۇ كەلتۈرمىدى. بۇنداقلارنىڭ بىر قىسمى ئۇدۇل مەدىنىگە قاراپ تىكىۋېتىشتى. ھەتتا مەدىنىگە كىرىپ ئاندىن توختىدى. يەنە بىر قىسىملىرى دەرھال تاغقا ئۆزىنى ئېلىپ پاناھلاندى. ئۈچىنچى بىر تۈركۈملىرى بولسا مۇشرىكلار قوشۇنىغا ئارلىشىپ كەتتى. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكتىن مۇسۇلمان كاپىرنى ئايرىغىلى بولمىدى. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئانچە-مۇنچە بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈپ سېلىش ھادىسىسىمۇ كۆرۈلدى.

ئىمام بۇخارى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئوھۇد كۈنى مۇشرىكلار ئاشكارا مەغلۇپ بولغانىدى، بۇ چاغدا ئىبلىس: ‹ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئارقاڭلارنى…›، (يەنى كەينىڭلاردىن پەخەس بولۇڭلار) دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ راسا ئالغا ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقانلىرى كەينىگە يېنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشتى. بۇ چاغدا ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاتىسى ‹يەمانى›نى كۆردى-دە، ‹ئى مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ئاتام! ئاتام!› دەپ توۋلىدى». ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ئاندىن توختىدى». ھۇزەيفە ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە مەغپىرەت قىلار»، دەپ قويدى. ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ھۇزەيفە ۋاپات قىلغانغا قەدەر، ئۇنىڭدا ياخشىلىقنىڭ ئەسىرى زايىل بولماي كەلدى» .

دېمەك، بۇ يەردە قاپسىلپ قالغان بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا قاتتىق چاۋالچاقلىق يۈز بەردى. قالايمىقانچىلىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولغاچقا، نۇرغۇنلىرى ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمىدى. ئەھۋال مۇشۇنداق خەتەرلىك تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە: «مۇھەممەد ئۆلدى»، دەپ توۋلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، بۇنىڭ بىلەن بەزىلەرنىڭ چىقالماي قالغان جېنى نەچچە ئېلىنىپ، روھى قۇۋۋىتى سۇندى ياكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئايرىم بىر قىسىملىرى ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن يېنىپ قورالىنى تاشلاپ بىچارە بولۇپ ئولتۇردى. يەنە بەزىبىر قىسىملار دەرھال ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي (مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئاسىيلىق قىلپ قايتقان) بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەبۇ سۇفياندىن ئامانلىق ئېلىپ بېرىشكە سۆزلىشىشنى ئويلىدى.

شۇنداق تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، بۇلارنىڭ يېنىغا ئەنەس ئىبنى نەزرى كېلىپ قالدى ۋە ئۇلارنىڭ قورالسىز بىچارە تۇرۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ: «نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار: «رەسۇلۇللاھ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ»، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەنەس ئىبنى نەزىر ئۇلارغا: «رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ھايات قېلىپ نېمە قىلىسلەر؟ تۇرۇڭلار رەسۇلۇللاھ ئۆلگەن يولدا سىلەرمۇ ئۆلۈڭلار»، دېدى. ئاندىن يەنە: «ئى ئاللاھ! مەن بۇلارنىڭ (يەنى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ) قىلغانلىرىدىن ساڭا ئۆزرە ئېيتىمەن ۋە بۇلار (يەنى مۇشرىكلار)نىڭ قىلىقلىرىدىن ھەم ئادا-جۇدامەن»، دېدى-دە، يولىغا راۋان بولدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا سەئەد ئىبنى مەئاز ئۇچراپ: «نەگە ئى ئەبۇ ئەمرى! (ئەنەسنىڭ كونىيەت ئىسمى ئىدى)» دەپ سورىۋىدى. ئەنەس ئىبنى نەزرى: «نەگە ئىدى، قارىمامسەن جەننەتنىڭ ھىد-پۇراقلىرى ئوھۇد تېغى تەرىپىدىن كېلىۋاتىدۇ»، دەپ قويۇپ ئىلگىرىلەپ كەتتى ۋە باستۇرۇپ دېۋەيلەپ كېلىۋاتقان دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۇرۇشۇپ-ئۇرۇشۇپ ئاخىر شېھىت قىلىۋېتىلدى. ئۇنى (جەڭ ئاخىرلاشقاندىن) كېيىن ھېچكىم تونۇيالماي، ئاخىر ئۇنىڭ ھەمشىرىسى ئۇنىڭ بارمىقىدىكى بىر بەلگىسىدىن تونۇدى. ئۇنىڭدا نەيزە نەشىتىرى، قىلىچ يارىسى ۋە ئوق جاراھىتى بولۇپ، 80 نەچچە يەر ئېغىر ۋە يېنىك زەخمىلەندۈرۈلگەنىدى.

سابىت ئىبنى دەھداھ ئۆز قەۋمىنى جەڭگە چاقىرىپ: «ئى ئەنسارلار جامائەسى! ئەگەر مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئاللاھ تىرىك، ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، سىلەر دىنىڭلار ئۈچۈن جەڭ قىلىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم زەپەر تاپقۇزغۇسى ۋە سىلەرگە غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلغۇسى»، دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئەنسارلاردىن بىر قانچە ئەزىمەت ئاۋاز قوشۇپ مەيدانغا چىقتى. سابىت بۇلار بىلەن بىرلىكتە خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئاتلىق قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇشۇپ-ئۇرۇشۇپ ئاخىر ئۇنىڭغا خالىد ئىبنى ۋەلىد نەيزە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىمۇ بىر-بىرىلەپ شېھىت قىلىۋەتتى.

مۇھاجىرلاردىن بىر كىشى جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان، ئۆز قېنىغا مىلىنىپ ياتقان بىر ئەنسارىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى. مۇھاجىر ئۇنىڭغا: «ئى پالانى! رەسۇلۇللاھ ئۆلۈپ كېتىپتۇمىش، ئۇنى ئۇقتۇڭمۇ؟» دېۋىدى، ئەنسارى بوغۇق ئاۋازدا: «رەسۇلۇللاھ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىپ ئۆلدى، ئەمدى سىلەر دىنىڭلار ئۈچۈن جەڭ قىلىشىڭلار لازىم»، دېدى.

مانا مۇشۇنداق ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان ئىرادە ۋە تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ روھىي قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلدى ۋە ئەقلى ھۇشى جايىغا چۈشۈپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى قايتا تىكلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەسلىم بولۇش ياكى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي بىلەن ئالاقىلىشىش ئويىدىن ۋاز كېچىپ قوللىرىغا قورال ئالدى ۋە مۇشرىكلار توپىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.

ئۇلار قوماندانلىق شىتاب تەرىپىگە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان پەيتتە «رەسۇلۇللاھ ئۆلۈپتۇ»، دېگەن خەۋەرنىڭ يالغان ئىغۋا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ خەۋەر ئۇلارنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشتى چېغى، ئۇلار مىسلىسىز باتۇرلۇق، ئاجايىپ جاسارەت بىلەن قان كېچىپ ئۇرۇشۇپ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇرشاۋدىن قۇتۇلۇپ ۋە باش قوماندان (يەنى، رەسۇلۇللاھ) ئەتراپىغا توپلىنىش ھەرىكىتىدە تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

بۇ يەردە پۈتۈن ئەس-يادى پەقەت رەسۇلۇللاھتا قالغان ئۈچىنچى بىر تۈركۈم كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار دۈشمەننىڭ قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتى سېزىلگەن ھامان رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا قايتقان. بۇلارنىڭ ئالدىن قاتارىدا يەنىلا ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئالدىنقى سەپتە دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقانس ئالدىن قاتاردىكى ئەزىمەتلەردىن ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى خەتەرگە ئۇچراش خەۋپى تۇغۇلىۋىدى، ئۇلار دەرھال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا قايتىپ مۇستەھكەم مۇداپىئە قورغىنى شەكىللەندۈردى.

رەسۇلۇللاھنى قوغداش جېڭى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنى قوغداش جېڭى”

ھەر قايسى ئورۇنلاردا جەڭ قىلىۋاتقان مۇھاجىرلار دۈشمەننىڭ قورشاپ يوقىتىش سىرتمىقىدا بوغۇلۇپ، ئاتلىق ۋە پىيادىلىك ھۇجۇمنىڭ قوش تۈگمىنىدە ئېزىلىۋاتقان بىر پەيتتە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدا جەڭ ئەڭ شىددەتلىك ۋە ئەڭ كەسكىن بولدى.

يۇقىرىدا مۇشرىكلار مۇسۇلمانلارنى قورشاۋغا ئالغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەقەت توققۇز نەپەر كىشىلا بار ئىدى، دېگەنىدۇق. رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنى: «بۇياققا كېلىڭلار! مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد بۇ يەردە»، دەپ توۋلىۋىدى، ئۇنىڭ بۇ ئاۋازىنى مۇشرىكلار ئاۋال ئاڭلاپ قالدى-دە، دەرھال ئاتلىرىنىڭ تىزگىنىنى ئاۋاز تەرەپكە بۇراپ، ھۇجۇم قوزغىدى. ئۇلار ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىغا جەم بولۇپ بولغۇچە ئىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئومۇمىيۈزلۈك باستۇرۇپ كەلدى. نەتىجىدە مۇشرىكلار بىلەن بۇ توققۇز نەپەر ساھابە ئوتتۇرىسىدا شۇنداق قاتتىق، شۇنداق دەھشەت ئۇرۇش بولدىكى، بۇ ئۇرۇشتا ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك جان پىدا قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە قانچىلىك جاسارەت ۋە شىجائەت كۆرسىتىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق ئاشكارا نامايەن بولدى.

ئىمام مۇسلىم ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ ئېيتتىكى: «شۇ كۈنى (يەنى ئوھۇد كۈنى) رەسۇلۇللاھ ئەنسارلاردىن يەتتە، قۇرەيشتىن ئىككى، جەمئى توققۇز كىشى بىلەن بىر يەرگە قاپسىلىپ قالغانىدى. مۇشرىكلا باستۇرۇپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارغا كىم تاقابىل تۇرىدۇ؟ ئۇنىڭغا جەننەت تەييار (ياكى ئۇ مېنىڭ جەننەتتىكى ھەمراھىم بولىدۇ، دېدىمۇ)»، دېۋىدى، ئەنسارلاردىن بىر كىشى ئالدىغا چىقىپ دۈشمەن بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ ئاخىر شېھىت بولۇپ كەتتى. دۈشمەن يەنە باستۇرۇپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ يەنە ئادەم چىقاردى. ئىش شۇنداق داۋاملىشىپ ھەتتاكى يەتتەيلەننىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تۈگىدى.

بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ يېنىدىكى ھېلىقى (قۇرەيشلىك) ئىككى ساھابىسىگە: «قېرىنداشلىرىمىزغا ئىنساپ قىلمىدۇق»، دېدى.

بۇ يەتتە ئەزىمەتنىڭ ئەڭ كېينكىسى ئەممار ئىبنى يەزىد ئىبنى سەكەن بولۇپ، ئۇ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇپ-ئۇرۇشۇپ ئاخىر قاتتىق يارىلىنىپ يىقىلدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك پەيت

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك پەيت”

ئىبنى سەكەن يىقىلغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئىككى قۇرەيشلىك ھەمراھلىرى بىلەنلا قېپقالدى. ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەبى ئوسماندىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «قاتتىق جەڭ بولۇۋاتقان ئاشۇ مىنوتلارنىڭ بىرىدە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ۋە سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما)تىن باشقا ھېچ كىشى قالمىغانىدى».

بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك پەيت ۋە مۇشرىكلارغا نىسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن پۇرسەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ مۇشرىكلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشتا ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلمىدى. ئۇلار ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ بارلىق كۈچى بىلەن رەسۇلۇللاھنى يوقىتىشنى نىشان قىلدى. ئۇتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەسۇلۇللاھقا تاش ئېتىپ ئۇنى يىقىتىۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ئاستى ئۇدۇل چىشىنى سۇندۇرۇۋەتتى. ئاستى ئېڭىكى يېرىلىپ كەتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى شىھاب زوھرى رەسۇلۇللاھقا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ پىشانىسىنى يېرىۋەتتى. مۇشرىكلار ئاتلىق قوشۇنىنىڭ ئەڭ قارام تەلۋە سەركىسى ئابدۇللاھ ئىبنى قەمىئە يىراقتىن شىددەت بىلەن ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ مۆرىسىگە قاتتىق بىر قىلىچ ئۇرغانىدى. رەسۇلۇللاھ بۇنىڭ دەردىنى بىر ئايدىن كۆپرەك تارتتى. بىرلا ياخشى يېرى ئۇنىڭ قىلىچى رەسۇلۇللاھنىڭ قوش ساۋۇتىنى كېسىپ ئۆتەلمىگەن ئىدى. ئىبنى قەمىئە رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزىگە يەنە قاتتىق بىر قىلىچ ئۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ بېشىدىكى مس قالپاقنىڭ ئىككى ھالقا مېخى رەسۇلۇللاھنىڭ مەڭزىگە پېتىپ كەتتى، ئىبنى قەمئە: «مانا كۆر، مەن دېگەن ئىبنى قەمىئە» دەيتتى. رەسۇلۇللاھ يۈزىدىن قاننى سۈرتىۋېتىپ: «ئاللاھ سېنى پارچە-پارچە قىلىۋەتسۇن»، دېدى. ھەدىستە: «شۇ قېتىمقى زەربىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇتتۇر چىشلىرى سۇنغان، بېشى يېرىلىپ قاناشقا باشلىغان»، دېيىلگەن. شۇڭا ئۇ يۈز-كۆزلىرىدىن قاننى ئېرىتىۋېتىپ: «ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ باش-كۆزىنى قانغا بويىغان ۋە چىشىنى چاققان قەۋم قانداقمۇ نىجاتلىق تاپار. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئۇلارنى نىجاتلىققا چاقىرىۋاتسا»، دېدى. بۇ چاغدا ئاللاھ: ﴿ليْس لك مِن الۆمْر شيْء ۆوْ يتُوب ىليْھمْ ۆَوْ يىۇّبھمْ فإِنّھمْ ئالمون﴾ «ھېچ ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس، ئاللاھ يا ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. يا ئۇلار زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 128- ئايەت)

تەبەرانىينىڭ رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ شۇ كۈنى: «ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ يۈز-كۆزىنى قانغا بويىغان قەۋمگە ئاللاھنىڭ غەزىپى بەك قاتتىق بولىدۇ»، دېگەن. ئاندىن بىردەم تۇرغاندىن كېيىن يەنە: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەۋمىمنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلار بىلمەيدۇ»، دېگەن.

سەھىھ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: «ئى پەرۋەردىگارىم! قەۋمىمنىڭ قىلمىشىنى كەچۈرگىن. ئۇلار بىلمەيدۇ»، دېگەن ۋە قازى ئىيازنىڭ شىفا ناملىق كىتابىدا رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ! قەۋمىمنى ھىدايەت قىلغىن، چۈنكى بۇلار بىلمەي قىلدى»، دېدى، دېيىلگەن.

شەك-شۈبھىسىزكى، مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرەيشلىك ھېلىقى ئىككى ساھابىسى (سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ) شۇنداق ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە شۇنداق مىسلىسىز جاسارەت ۋە شىجائەت بىلەن ئۇرۇش قىلدىكى، ئۇلار (پەقەت ئىككىلا ئادەم تۇرۇپ) مۇشرىكلارنىڭ مەقسىتىنى خام-خىيالغا ئايلاندۇردى. بۇ ئىككى ئەزىمەت ئەڭ ماھىر مەرگەنلەردىن بولغاچقا مۇشرىكلارغا ئۈزۈلدۈرمەي ئوق ياغدۇرۇپ، ئاخىرى ئۇلارنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدىن چېكىندۈردى.

سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاسنىڭ ئالدىغا رەسۇلۇللاھ ئۆز سادىقىنى تاشلاپ بېرىپ: «ئاتە سەئەد! ساڭا ئاتا-ئانام پىدادۇر»، دەيتتى. بۇ ئۇنىڭ نەقەدەر تالانتلىق يېتىشكەن مەرگەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەئەدتىن ئۆزگە ھېچكىشىگە ئاتا-ئانىسىنى جەملەپ پىدا بولسۇن، دېمىگەنىدى.

ئىمام نەسەئى جابىر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)دىن نەقىل قىلغان مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا بىر قانچە نەپەر ئەنسارى يىگىتىنىڭلا قېپقالغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىستە: مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھنىڭ بار يېرىنى بايقىۋالغاندىن كېيىن، ھەممىسى بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنى كىم چېكىندۈرىدۇ؟» دېۋىدى، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدىللاھ: «مەن»، دېدى، دېيىلگەن. ئاندىن جابىر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئەنسار يىگىتلىرىنىڭ بىر-بىرلەپ مەيدانغا چۈشكەنلىكىنى ۋە ھەممىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى (سەھىھۇلمۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە بايان قىلىنغانغا ئوخشاش) بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەنسارلار تولۇق ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىن تەلھە مەيدانغا چۈشتى. ئۇ ئۆزى يالغۇز ئون بىر ئادەم بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئاخىر بىر قىلىچ ئۇنىڭ قولىغا تېگىپ ئۇنىڭ بارماقلىرى كېسىلىپ كېتىۋىدى: «ھەببەللى، ھەببەللى»، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «ئەگەر سەن ‹بسم اللھ› دېگەن بولساڭ سېنى پەرىشتىلەر كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ كۆتۈرۈپ كېتەتتى»، دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

جابىر مۇنداق دەيدۇ: «بىردەمدىن كېيىن ئاللاھ مۇشرىكلارنى مەغلۇپ قىلدى.

ئىمام ھاكىمنىڭ رىۋايىتىدىكى ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە، شۇكۈنى تەلھەنىڭ بەدىنىنىڭ 35~39 يېرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان ۋە ئىككى بارمىقى (كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن نامسىز بارماق) سەزمەس بولۇپ قالغان، دېيىلگەن.

ئىمام بۇخارى قەيس ئىبنى ئەبۇ ھازىم (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)دىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «مەن تەلھە ئىبنى ئۇبەيدىللاھنىڭ قولىنى تۇتماس (يەنى چولاق) ھالەتتە كۆردۈم. ئۇقۇشۇمچە، ئۇ بۇ قولىنى ئوھۇد ئۇرۇشىدا رەسۇلۇللاھقا چېپىلغان قىلىچقا قالقان ئورنىدا تۇتۇپ بەرگەنىكەن».

تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ شۇ كۈنى تەلھە ھەققىدە: «يەر يۈزىدە تىرىك مېڭىپ يۈرگەن شېھىتنى كۆرگۈسى بار كىشى تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنى كۆرۈۋالسۇن»، دېگەن.

ئەبۇ داۋۇد تەيالىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ بەكرى (يەنى ئاتام دېمەكچى) ئوھۇد ئۇرۇشى تىلغا ئېلىنسىلا: ‹بۇ كۈننىڭ ھەممىسى (يەنى بارلىق پەزىلىتى) تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنىڭ بولۇپ كەتكەن›، دەيتتى. ئەبۇ بەكرى يەنە ئۇنىڭ ھەققىدە مۇشۇ شېئىرنى ئوقۇغان:

ئى تەلھە! ئۇبەيدۇللاھ ئوغلى! ساڭا تەيياردۇر جىنان ،

ھۆر-پەرى قىلىپ تەييار، كەتتىڭغۇ ئېسەن-ئامان.

ئەنە شۇنداق قىيىن شارائىت ۋە ھالقىلىق سائەت-مىنۇتلاردا ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىگە ئۆزىنىڭ غائىبى ياردىمىنى نازىل قىلدى. سەھىھۇلمۇسلىم ۋە سەھىھۇلبۇخارىدا سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «مەن ئوھۇد ئۇرۇشى جەريانىدا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا ناھايىتى شىددەت ۋە زەربىدارلىق بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان ئاق كىيىملىك ئىككى كىشىنى كۆردۈم. مەن ئۇلارنى بۇرۇنمۇ كۆرۈپ باقمىغان، كېيىنمۇ كۆرمىدىم». يەنە بىر رىۋايەتتە، بۇلارنى جىبرىيل ۋە مىكائىل دېمەكچى، دېيىلگەن.

ساھابىلارنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا توپلىنىشى

يۇقىرىقى قاباھەتلىك ئۆزگىرىشلەر كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يۈز بېرىپ بولدى. ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ (ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان) ساپ دىل، سەمىمىي ساداقەتلىك ساھابىلىرى ۋەزىيەتنىڭ تەتۈر تەرەققىياتىنى كۆرگەنمۇ (پەملىگەنمۇ)؟ ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغانمۇ؟ ھەر ھالدا ئۇلار رەسۇلۇللاھقا بىرەر پېشكەللىك يولۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، دەرھال ئۇنىڭ بار يېرىگە يېىتپ كەلگەنىدى. بىراق، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ يارىلىنىدىغان يەرلىرى ئاللىقاچان يارىلىنىپ، ئەنسارلاردىن ئالتە كىشى شېھىت بولۇپ قاتار ياتاتتى، يەتتىنچىسىمۇ قاتتىق يارىلىنىپ ئۆز قېنىغا مىلىنىپ بىھۇش ياتاتتى. سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس بىلەن تەلھە ئىبنى ئۇبەيدىللاھ مۇشرىكلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتاتتى. ئۇلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىغا ئۆزىنىڭ تېنى ۋە قورال-ياراقلىرى بىلەن مۇستەھكەم بىر مۇداپىئە قورغىنى شەكىللەندۈردى ۋە رەسۇلۇللاھنى دۈشمەننىڭ زەربىسىدىن قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشتا مىسلىسىز پىداكارلىقلارنى كۆرسەتتى.

رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا تۇنجى بولۇپ يېتىپ كەلگەن كىشى يەنىلا ئۇنىڭ غاردىكى ھەمراسى، ھىجرەت سەپدىشى ئەبۇ بەكرى سىددىق بولدى.

ئىبنى ھەببان ئائىشىدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ئەبۇ بەكرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان: «ئوھۇد ئۇرۇشىدا كىشىلەر جەڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن كارى بولماي قاپتۇ. شۇ چاغدا مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا تۇنجى بولۇپ يېتىپ بېرىپتىمەن، كېلىۋېتىپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئادەمنىڭ قاتتىق ئېلىشىپ ئۇنى قوغداۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا ھېچ كىشىنى يېقىن كەلتۈرمەيۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. كۆڭلۈمدە دېدىمكى: «سەن تەلھە بولغىيتتىڭ، ساڭا ئاتا-ئانام پىدا بولسۇن! سەن تەلھە بولغىيتتىڭ، ساڭا ئاتا-ئانام پىدا بولسۇن». ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي كەينىمدىن ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ يېتىپ كەلدى. ئۇ گويا ئۇچار قۇشتەك چاپاتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا ئىككىمىز تەڭلا يېتىپ كەلدۇق. قارىساق، ئالدىمىزدىلا تەلھە ئېغىر يارىلىنىپ يىقىلىپ چۈشتى. بىزنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ: «قېرىندىشىڭلارنى يۆلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن بۇرچىنى ئادا قىلدى»، دېدى.

مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئېتىلغان بىر تاش رەسۇلۇللاھنىڭ مەڭزىگە قاتتىق تەگكەچكە ئۇنىڭ بېشىدىكى مىس قالپاقنىڭ ئىككى پارچە ھالقا تۆمۈرى ئۇنىڭ مەڭزىگە پېتىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ھېلىقى ھالقىلارنى رەسۇلۇللاھنىڭ مەڭزىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىۋالماقچى بولىۋىدىم، ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ: «خۇدا ھەققى، ئى ئەبۇ بەكرى! مېنى ئالغىلى قويغىن!»، دېدى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ جاراھىتىنى ئاغرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئېغىزىنى يېقىن ئەكېلىپ، ھېلىقى تۆمۈر پارچىلىرىنىڭ بىرىنى چىشى بىلەن چىشلەپ ئاۋايلاپ تارتىپ ئالدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوتتۇرا چىشىنىڭ بىرسى مىدىرلاپ قالدى. ئاندىن يەنە بىرىنى مەن ئالاي دەپ تەمشىلىۋىدىم. ئەبۇ ئۇبەيدە: «خۇدا ھەققى! مېنى ئالغىلى قويغىن، دېدىمغۇ» دەپ تۇرۇۋالدى ۋە ئۇنىمۇ ئۆزى چىشلەپ تارتىپ ئالدى. بۇ قېتىم ئەمدى ئۇنىڭ يەنە بىر چىشى قوزغىلىپ مىدىرلاپ قالدى. مىخ پارچىلىرى ئۇنىڭ يۈزىدىن ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ: «قېرىندىشىڭلارنى يۆلەڭلار، ئۇ بۇرچىنى ئادا قىلدى»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز رەسۇلۇللاھنى قويۇپ تەلھەنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى يۆلەپ جاراھەتلىرىنى تاڭدۇق. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئون نەچچە يېرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغانىدى (مانا بۇمۇ تەلھەنىڭ شۇ كۈنى نەقەدەر جاسارەت ۋە شىجائەت كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ).

مۇشۇ جىددى، پەيتتە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىغا بىر بۆلۈك مۇسۇلمان ئەزىمەتلەر توپلاندى: ئەبۇ دۇجانە، مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ، سەھل ئىبنى ھۇنەيف، مالىك ئىبنى سىنان (ئەبۇسەئىدىل خۇدۇرىينىڭ دادىسى) ئۇممۇ ئەممارە (ئەسلى ئىسمى نەسىبە بىنتى كەئەب مازىنى)، قەتادە ئىبنى نۇئمان، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە ۋە ئەبۇ تەلھە قاتارلىقلار…

مۇشرىكلارنىڭ ھۇجۇمى بارغانسېرى كۈچەيدى

مۇشرىكلارنىڭ سانى ئارقا-ئارقىدىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرىمۇ كۈچەيدى ۋە بارغانسېرى مۇسۇلمانلارنى قىستاپ كەلدى. ھەتتا بىر چاغدا رەسۇلۇللاھ قاچقۇن ئەبۇ ئامىر پاسىق كولاپ ئۈستىنى يېپىپ قويغان ئورەك (قاپقان)گە چۈشۈپ كېتىپ، تىزى قېقىلىپ بەردى. بۇنى كۆرۈپ، ئەلى دەرھال ئۇنىڭ قولىدىن تارتتى. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ بېقىنىدىن يۆلىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئېلىپ ماڭدى. نافىئ ئىبنى جۇبەير مۇنداق دېگەن: مەن مۇھاجىرلاردىن بىر كىشنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مەن ئوھۇد ئۇرۇشىغا قاتناشقانىدىم. ئاشۇ قىزىق جەڭ نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدە رەسۇلۇللاھقا ھەر تەرەپتىن ئوق يېغىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. لېكىن بۇ ئوقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق پاچاقلاپ تاشلىناتتى.

يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى شىھاب زوھرىينىڭ شۇ كۈنى: «مۇھەممەد نەدە؟ ئۇنى تاپىدىغان بولسام… يا ئۇ ئۆلىدۇ، يا مەن…»، دەپ چوقان كۆتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. ۋەھالەنكى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ يېنىدىلا ئۆزى يالغۇز تۇرۇۋاتاتتى. ئۇ شۇنداق دېگەچ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. كېيىن سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە ئۇنىڭغا تاپا-مالامەت قىلغانىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى شىھاب: «ئەزبىرايى خۇدا! ئۇنى چوقۇم كۆرمىدىم، ئەزبىرايى خۇدا، ئۇ بۈگۈن ئامان قالىدىغان ئوخشايدۇ، بىز تۆت نەپەر كىشى مەخسۇس ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئەھدى قىلىشىپ چىققان تۇرۇقلۇق مەقسىتىمىزگە يېتەلمەپتۇق»، دېدى.

مىسلى كۆرۈلمىگەن پىداكارلىق

جەڭ مەيدانىنىڭ تەرەققىياتى دەل مۇشۇ يەرگە يەتكەندە، مۇسۇلمانلار ئاجايىپ جاسارەت ۋە ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە بەس-بەستە شۇنداق قۇربانلارنى بەردىكى، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۇنداق ئۆزىنى ئۇنتۇپ باشقىلار ئۈچۈن جان پىدا قىلىش روھى تېخى ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىدى. ئەبۇ تەلھە رەسۇلۇللاھنى دۈشمەننىڭ ئوقىدىن ساقلاش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىپ، رەسۇلۇللاھقا قالقان بولۇپ تۇردى.

ئەنەس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: «ئوھۇد كۈنى مۇسۇلمانلارغا ئۇشتۇمتۇت مەغلۇبىيەت يۈزلىنىپ قېلىپ، رەسۇلۇللاھ يالغۇز قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ تەلھە قولىدىكى قالقىنىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، رەسۇلۇللاھنى دۈشمەننىڭ ئوقىدىن قوغداپتۇ. ئەبۇ تەلھە ئۇستا مەرگەن ئىدى. ئۇ شۇ كۈنى ياچاقلارنى كۆپ ئىشلىتىپ، قاتتىق تارتقانلىقىدىن ئىككى ياكى ئۈچ ياچاقنىڭ زېيىنى ئۈزۈپ تاشلاپتۇ، ياكى كاماننى سۇندۇرۇپ قويۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەنلەرگە: ‹ئوقنى ئەبۇ تەلھەگە تاشلاپ كەت! ئەبۇ تەلھەگە تاشلاپ كەت!› دەيدىكەن». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ ئېگىزلىنىپ دۈشمەننىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ باقاتتى. بۇ چاغدا ئەبۇ تەلھە ئۇنىڭغا: ‹ساڭا ئاتا-ئانام پىدا بولسۇن، ئى رەسۇلۇللاھ! دۈشمەن تەرەپكە قارىمىغىن، ساڭا ئوق تېگىپ كەتمىسۇن، مەن ئالدىڭدا تۇراي، ئوق تەگسە ماڭا تەگسۇن، ھەرگىز ساڭا تېگىپ كەتمىسۇن›، دەيتتى».

يەنە ئەنەستىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: «ئەبۇ تەلھە بىلەن رەسۇلۇللاھ ئىككىسى بىر قالقان بىلەن مۇداپىئەلەنگەن. ئەبۇ تەلھە ناھايىتى ئۇستا مەرگەن بولۇپ، ئۇ ئوق ئاتسا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئوقىنىڭ زايا كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، مەمنۇن بولاتتى»، دېيىلگەن.

ئەبۇ دۇجانە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا تىك تۇرۇپ ئۆزىنىڭ دۈمبىسىنى قالقان قىلىپ، رەسۇلۇللاھنى دۈشمەننىڭ ئوقىدىن قوغدىغان. ئوق ئۇنىڭ ئۈستى-باشلىرىغا قار-يامغۇردەك يېغىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ مىدىرلىماي چىڭ تۇراتتى.

ھاتىب ئىبنى ئەبى بەلتەئە ئۇتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاس (رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك چىشلىرىنى تۆكۈۋەتكەن)نى قوغلاپ يۈرۈپ ئاخىر ئۇنى كېلىشتۈرۈپ بىر قىلىچ ئۇرۇپلا كاللىسىنى دومىلىتىۋەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ ئېتى ۋە قىلىچىنى غەنىمەت ئېلىپ، قايتىپ كەلدى. سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ئۆزىنىڭ (بۇ) قېرىندىشىنىڭ كاللىسىنى ئۆز قولى بىلەن بەكمۇ ئالغۇسى بار ئىدى. بىراق ئۇ بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمىدى. بەلكى ئۇنىڭ مەقسىتىنى ھاتىپ ئىبنى ئەبۇ تەلھە ئەمەلگە ئاشۇردى.

سەھل ئىبنى ھۇنەيىپمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن باتۇر-ئەزىمەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھقا تا ئۆلگۈچە ئېلىشېشقا قول بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم مۇشرىكلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشتا پەۋقۇلئاددە قەھرىمانلىق كۆرسەتتى.

ئاشۇ جىددىي ئېلىشىش بولۇۋاتقان پەيتتە، رەسۇلۇللاھمۇ قولىغا قورال ئېلىپ، دۈشمەننى ئوققا تۇتتى. قەتادە ئىبنى نۇئمان (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) رىۋايەت قىلىدۇكى: «شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ياچىقىنى ئېلىپ، دۈشمەنگە ئوق ئاتقانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى قاتتىق بەتلىگەنلىكتىن ياچاق كامىنى سۇنۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن قەتادە بۇ ياچاقنى ئېلىپ قويۇپ، خېلى كېيىنگىچە ساقلىغان. شۇ كۈنى يەنە ئۇنىڭ بىر كۆزى يارىلىنىپ، كۆزىنىڭ گۆھىرى سىرتىغا پولتىيىپ چىقىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بۇ كۆزىنى ئۆز جايىغا سېلىپ قويۇۋىدى، ئۇنىڭ بۇ كۆزى ئەڭ چىرايلىق ھەم روشەن كۆرىدىغان كۆز بولۇپ قالدى.

شۇ كۈنى يەنە ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف ئىنتايىن جەسۇرلۇق بىلەن ئۇرۇشۇپ، ھەتتا ئۈستى باشلىرى ئېغىر يارىلىنىپ، چىشلىرى تۆكۈلۈپ كوماك بولۇپ قالدى. بەدىنىنىڭ 20 نەچچە يېرى يارىلاندى، پۇتى ئېغىرراق زەخمىلەنگەچكە، كېيىن ئاقساق (توكۇر) بولۇپ ساقايدى.

ئەبۇ سەئىد خۇدرىينىڭ ئاتىسى مالىك ئىبنى سىنان رەسۇلۇللاھنىڭ مەڭزىدىكى قانلارنى شوراپ، تازىلىغانىدى. ئۇ بۇ قانلارنى يۇتۇۋالماقچى بولدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «تۈكۈر! تۈكۈر!» دېۋىدى، مالىك ئىبنى سىنان: «ئاللاھ بىلەن قەسەم، ھەرگىز تۈكۈرۈۋەتمەيمەن»، دېدى ۋە ئورنىدىن تۇرغانچە جەڭ قاينىمىغا ئۆزىنى ئاتتى. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ: «ھەر كىم ئەھلى جەننەتتىن بىر كىشىنى كۆرۈشنى خالىسا، مالىكنى كۆرسۇن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇپ يىقىلدى.

ئۇممۇ ئەممارە (ئايال) بىر توپ مۇسۇلمان ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە مەلئۇن ئىبنى قەمىئە بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى. ئىبنى قەمئە بۇ ئايالنىڭ مۆرىسىگە قىلىچ ئۇرۇپ، جاراھەتنىڭ كاتەك ئىزلىرىنى قالدۇردى. ئۇممى ئەممارە ئىبنى قەمىئەنى بىر نەچچە قىلىچ ئۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قوش ساۋۇت كىيىۋالغاچقا قىلىچ ئۆتمىدى. ئۇممۇ ئەممارە يەنە داۋاملىق ئۇرۇشۇپ، بەدىنىنىڭ 12 يېرى ئېغىر يارىلاندى.

مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرمۇ رەسۇلۇللاھنى ئىبنى قەمئە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ، مىسلىسىز جاسارەت بىلەن ئۇرۇشتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەلىمى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا ئۇرۇپ ئۇنى كېسىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلەمنى سول قولى بىلەن كۆتۈرۈپ، تاكى ئۇمۇ كېسىلىپ تاشلانغا قەدەر كاپىرلارنىڭ ئالدىدا پولاتتەك مۇستەھكەم تۇردى. ئاندىن ئۇ تىزلىنىپ يېتىپ، ئەلەم خادىسىنى مۆرىسى بىلەن بوينىغا قىسىپ، قەد كۆتۈرتۈپ تۇردى. لېكىن، ئاخىر شېھىت قىلىۋېتىلدى. ئۇنى ئىبنى قەمىئە ئۆلتۈرگەنىدى. ئۇ مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنى «رەسۇلۇللاھ (ئۇ رەسۇلۇللاھقا بەئەينى ئوخشايتتى)نى ئۆلتۈردۈم»، دەپ ئويلىغانىدى. شۇڭا ئۇ مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپلا، مۇشرىكلار توپىغا قايتىپ: «مۇھەممەد ئۆلدى…»، دەپ توۋلىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا يالغان خەۋەرنىڭ يامراپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ يامان تەسىرى

ئىبنى قەمىئە تەنتەكلىك بىلەن ھېلىقىدەك جار سېلىپ، بىر نەچچە دەقىقە ئۆتمەيلا «رەسۇلۇللاھ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ»، دېگەن خەۋەر مۇشرىك، مۇسۇلمان ھەممەيلەننىڭ ئارىسىدا پۇر كەتتى. مانا مۇشۇ پەيتتە رەسۇلۇللاھتىن بىر ئاز يىراق جايلاردا قورشاۋدا قالغان ساھابىلاردىن نۇرغۇنلىرىنىڭ ئىرادىسى بوشاپ، مەنىۋى روھى يىمىرىلدى. جەڭگىۋارلىقى سوۋۇدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا قاتتىق قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، ئۇمۇمىيۈزلۈك داۋالغۇش كۆرۈلدى ۋە سەپلەر قالايمىقانلاشتى. بىراق، بىرلا خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، ئىبنى قەمىئەنىڭ بۇ ئېلانىنىڭ قىسمەن ئىجابىي رولىمۇ بولدى. مۇشرىكلار: «مەقسىتىمىزگە يەتتۇق»، دەپ ئويلاپ، ھۇجۇم سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، نۇرغۇنلىرى قورال-ياراقلىرىنىڭ تىغ ئۇچچىنى مۇسۇلمان شېھىتلەرنىڭ جەسەتلىرىنى چېپىپ، پارچىلاشقا قاراتتى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋەزىيەتنى ئوڭشىشى

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋەزىيەتنى ئوڭشىشى”

مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير مۇسىبەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ بايراقنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاجايىپ جاسارەت ۋە شىجائەت بىلەن ئۇرۇشتى ۋە ئەتراپتىكى باشقا ساھابىلەرمۇ تەڭداشسىز قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە قايتۇرما زەربە بەردى.

نەتىجىدە، رەسۇلۇللاھ يېقىن يەردە قاپسىلىپ قالغان قوشۇننىڭ يېنىغا يول ئېچىپ ئىلگىرىلىيەلىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ قېشىغا يېتىپ بېرىۋىدى، ئۇنى (تۇنجى قېتىم) كەئىب ئىبنى مالىك (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) كۆرۈپ تونۇدى-دە، خۇشاللىقىنى باسالماي: «ئى مۇسۇلمانلار! خۇشخەۋەر… مانا رەسۇلۇللاھ ھايات ئىكەن»، دەپ توۋلىۋەتتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا (مۇشرىكلار ئۇنىڭ بار يېرىنى ئۇقۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن) جىم تۇرۇشنى ئىشارەت قىلدى. ئەمما بۇ ئاۋاز مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگە يەتتى، نەتىجىدە ئۇنىڭ ئەتراپىغا مۇسۇلمانلار تەرەپ-تەرەپتىن يىغىلىشقا باشلىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 30دەك ساھابە توپلاندى. بۇلار توپلىنىپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ مۇنتىزىم، تەرتىپلىك ھالدا تاغ باغرىغا چېكىنىشكە باشلىدى. ئۇ چېكىنىش داۋامىدا مۇشرىكلارنىڭ قورشاپ زەربە بەرگۈچى قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يول ئېچىپ ئىلگىرىلىدى. بۇ چاغدا مۇشرىكلار ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، چېكىنىش يولىنى قاتتىق توسىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ يولۋاستەك جەسۇر باتۇرلىقى ئالدىدا كەلكۈنگە ئۇچرىغان ئەخلەتتەك سۈپۈرۈلۈپ كەتتى.

مۇشرىك چەۋاندازلىرىنىڭ بىرى بولغان ئوسمان ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغىيرە رەسۇلۇللاھقا ھۇجۇم قىلىپ: «ئۇ ھايات قالغۇچە مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى»، دەپ ئات چاپتۇرۇپ كەلدى، رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرماقچى بولغانىدى، ئۇنىڭغىچە ئوسماننىڭ ئېتى ئۆزلىــــرى كۆلىغان بىر ئورەككە سېپىلىپ كېتىپ، يىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھارىس ئىبنى سىممەت ئۇنى ئاتتىن تارتىپ يىقىتىپ، پۇتىغا قىلىچ ئۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئاندىن داۋاملىق دۇمبالاپ، جېنىنى ئېلىپ، جەھەننەمگە ئۇزۇتۇۋەتتى ۋە ئۇنىڭ قورال-ياراق ئات-جابدۇقلىرىنى ئېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدىن يەتتى.

شۇ ئەسنادا (مەككە ئاتلىق قوشۇنىنىڭ يەنە بىر ئەسكىرى بولغان) ئابدۇللاھ ئىبنى جابىر ئوقتەك ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، ھارىس ئىبنى سىممەتكە ھۇجۇم قىلدى. ئۇ ھارىسنىڭ مۆرىسىگە قىلىچ ئۇرۇپ، ئۇنى ئېغىر يارىلاندۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار كۆتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. لېكىن قىزىل سەللىلىك قارام پالۋان ئەبۇ دۇجانە كېلىشتۈرۈپ بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئۇنىڭ كاللىسىنى ئۇچۇرۇۋەتتى.

مۇشۇنداق جىددى ئۇرۇش بولۇۋاتقان ئەسنادا «قۇرئان كەرىم»دە كۆرسىتىلگەندەك مۇسۇلمانلارنى ئاللاھنىڭ ئەمىنلىكى بولغان ئۇيقۇ (مۈگدەك) تۇتتى. ئەبۇ تەلھە مۇنداق دېگەن: «مەن شۇ كۈنى ئۇيقۇ (مۈگدەك) تۇتقانلارنىڭ بىرى ئىدىم. ھەتتا قولۇمدىكى قىلىچىم بىر نەچچە قېتىم چۈشۈپ كەتتى. ئۇ چۈشۈپ كېتەر، مەن ئالارمەن، ئۇ چۈشۈپ كېتەر، مەن ئالارمەن، شۇنداق نەچچە قېتىم تەكرارلاندى.

مانا مۇشۇنداق شىر كەبى جاسارەت ۋە ئۆلۈمدىن قورقماس شىجائەت بىلەن بۇ ئازغىنە قوشۇن (ناھايىتى مۇنتىزىم ۋە تەرتىپلىك چېكىنىش ئارقىلىق) تاغ جىلغىسىغا يېتىپ بېرىۋالدى ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە قالغانلار ئۈچۈن بۇ بىخەتەر ماكانغا يول ئېچىلدى. نەتىجىدە، خېلى كۆپ كىشى بۇ جايغا ئۆزىنى ئېلىپ جېنىنى جايلىۋالدى. قىسقىسى، خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ جەڭ تاكتىكىسى رەسۇلۇللاھنىڭ دانا ھەربىي ئىقتىدارى ئالدىدا بەربات بولدى.

ئۇبەي ئىبنى خەلەفنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئۆزىنى تاغ باغرىغا ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئۇبەي ئىبنى خەلەف: «مۇھەممەد قېنى؟ بۈگۈن يا ئۇ ئۆلىدۇ، يا مەن ئۆلىمەن»، دەپ قاتتىق ئەزۋەيلەپ قوغلاپ كەلدى. بۇ چاغدا كىشىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنىڭغا بىرىمىز چۈشەيلىمۇ؟» دېگەنىدى. رەسۇلۇللاھ: «توختاڭلار، ئۇنى ماڭا قويۇڭلار»، دېدى. ئۇبەي ئىبنى خەلەف تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ يېقىنلاپ كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ھارىس ئىبنى سىممەتنىڭ نەيزىسىگە قول ئۇزاتتى ۋە ئۇنى قولىغا ئېلىپ قاتتىق بىر سىلكىنىپ قوزغالدىكى، ئەتراپتا يېقىنراق تۇرغانلارمۇ گويا تۆگە گۈپشۈنسە، يۇڭ ئۇچقاندەك توزۇپ كېتىشتى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇ كىيىۋالغان ساۋۇت (تۆمۈر كىيىم) بىلەن باش قالپىقى ئارىلىقىدىكى يوچۇقتىن ئۇنىڭ بويۇن سۆڭىكى دەل كۆرۈندى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ھېلىقى بوشلۇققا ئۇدۇللاپ بىرلا نەيزە ئۇرۇۋىدى، ئۇ بۇ نەيزىنىڭ زەربىسىدىن ئېتىدىن نەچچە دومىلاپ يىقىلىپ نەچچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ناھايىتى ئالاقزادىلىك ئىلكىدە جېنىنى جايلاپ قاچتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇرەيش بارىگاھىغا قايتىپ كېلىپ، (ۋەھالەنكى ھېلىقى نەيزە زەربىسى ئۇنىڭ بوينىنى ئازراق زىدە قىلىۋەتكەن بولۇپ قېنىمۇ توختاپ قالغانىدى): «ئەزبىرايى خۇدا، مۇھەممەد مېنى ھامان ئۆلتۈرىدىغان بولدى، مۇھەممەد مېنى ئۆلتۈرىدىغان بولدى»، دەپ توختىماي جۆيلۈشكە باشلىدى. ئۇلار ئۇبەيگە: «بىر ئاز قورقۇپ كېتىپسەن، خالاس. ئاللا بىلەن قەسەمكى، جاراھىتىڭ ھەرگىز ئېغىر ئەمەس»، دېگەنىدى. ئۇ: «مۇھەممەد ماڭا مەككىدىكى ۋاقتىدا سېنى ھامان ئۆلتۈرىمەن، دېگەنىدى. شۇڭا جەزم قىلىمەنكى، ئەگەر ئۇ (مۇھەممەد) ماڭا قاتتىقراق بىرنى تۆكۈرسىمۇ ئۆلتۈرىدۇ»، دېدى. دەرھەقىقەت ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بۇ مەلئۇن (ئوبەي) ئۇرۇشتىن قايتىشتا «سەرب» دېگەن يەرگە كەلگەندە ھالاك بولۇپ يىقىلدى.

ئەبۇلئەسۋەدنىڭ ئۇرۋەدىن رىۋايەت قىلغان بىر سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ يول بويى كالىدەك مۆڭرەپ، ئاللا-توۋا چاقىرىپ ماڭغان ۋە ناھايىتى خۇرسىنىپ: «ئەزبىرايى خۇدا، ئەگەر مېنىڭ ھازىرقى دەرد-ئەلەملىرىم زىلمەجاز ئەھلىگە تاشلانسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جان بەرگەن بولاتتى، دېگەن».

تەلھەنىڭ رەسۇلۇللاھنى يۆلەپ قوپارغانلىقى

رەسۇلۇللاھ تاغ جىلغىسىغا چېكىنىش داۋامىدا چوڭ بىر قورام تاش ئۇنىڭ يولىغا توغرا تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ تاشتىن ئاتلاپ ئۆتمەكچى بولۇۋىدى، ئەمما ماجالى يەتمىدى. چۈنكى ئۇ شۇ مەزگىللەردە بىر ئاز سەمرىپ، ئۇستىخانلىرى ئېغىرلىشىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قوش ساۋۇت كىيىۋالغان بولغاچقا، بۇنىڭ بىلەنمۇ راسا قولۇشالمايۋاتاتتى. ئەڭ يامان بولغىنى ئۇ ئىبنى قەمىئەنىڭ ھۇجۇمىدا خېلى ئېغىر يارىلانغانىدى. شۇنىڭ بىلەن تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ دەرھال كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بەردى-دە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ دولىسىغا دەسسىگەنچە تاش ئۈستىگە چىقىپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتى ۋە: «تەلھەگە (جەننەت) ۋاجىپ بولدى، تەلھەگە (جەننەت) ۋاجىپ بولدى»، دەيتتى.

مۇشرىكلار قوزغىغان ئاخىرقى ھۇجۇم

رەسۇلۇللاھ تاغ جىلغىسىدىكى قوماندانلىق شىتابقا يېتىپ بېرىۋالغاندىن كېيىن مۇشرىكلار ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاپ يوقاتماقچى بولدى. ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىر چاغدا ئۆزىنى جىلغىغا ئېلىپ تۇرۇشىغىلا ئۇشتۇمتۇت تاغ ئۈستىدە (خالىد ئىبنى ۋەلىد ۋە ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب باشچىلىقىدا) بىر بۆلۈك كىشىلەر پەيدا بولدى. رەسۇلۇللاھ بۇلارنى كۆرۈپ: «ئى ئاللاھ! ئۇلار بىزدىن ئۈستۈن تۇرسا بولمايتتى»، دەپ تىلىدى. بۇلارغا قارشى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە مۇھاجىرلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ھۇجۇم قوزغاپ، ئاخىرى ئۇلارنى تاغدىن قوغلاپ چۈشۈردى. «مەغازىلئومەۋى» دېگەن كىتابتا زىكرى قىلىنىشىچە، بىر چاغدا مۇشرىكلار تاغ ئۈستىدە پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەئەدكە: «ئۇلارنى قورقۇتقىن، يەنى چېكىندۈرگىن»، دېگەن. سەئەد ئۇنىڭغا: «مەن يالغۇز ئۇلارنى قانداق چېكىندۈرىمەن؟» دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ھېلىقى گېپىنى ئۈچ ياكى تۆت قېتىم تەكرارلىغان. شۇنىڭ بىلەن سەئەد يېنىدىكى سادىقىدىن بىر ئوقنى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ بىرىگە راسا چەنلەپ ئېتىۋىدى، ئوق نەخ تېگىپ ئۇلاردىن بىرىنى جەھەننەمگە غۇلاتقان. سەئەد مۇنداق دېگەن: «ئاندىن يەنە ساداقلىرىمنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، يەنە بىر تال ئوق تاپتىم-دە، ئۇنىڭ بىلەنمۇ يەنە بىر مۇشرىكنى جېنىدىن جۇدا قىلدىم. ئارقىدىن يەنە قولۇمنى تىقىپ ساداقتىن يەنە بىر تال ئوق تېپىپ، بىر مۇشرىكقا ئاتقانىدىم، ئۇمۇ يەر چىشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەر تىكىۋەتتى. مەن كۆڭلۈمدە: ‹بۇ چوقۇم مۇبارەك ئوق ئىكەن›، دېدىم ۋە ئۇنى ساداقتا ساقلاپ قويدۇم». ھېلىقى ئوق سەئەد ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ يېنىدا ساقلىنىپ كەلدى. سەئەد (ئىبنۇ ئەبى ۋەققاس) ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ساقلىدى.

شېھىتلەرنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشى

يۇقىرىقىسى مۇشرىكلارنىڭ رەسۇلۇللاھنى يوقىتىش ئۈچۈن قوزغىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھۇجۇمى ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەچكە (ئۆلدىمىكى ياكى تىرىكمىكى دېگەن ئىككىلىنىشتە بولغاچقا) قارارگاھىغا قايتىپ يېنىش تەييارلىقىغا تۇتۇش قىلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىر ئۇچۇملىرى (بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايال ئەسكەرلىرى) مۇسۇلمانلارنىڭ شېھىتلىرىنى مۇسلە (ئەزالىرىنى كېسىپ تاشلاش) قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار شېھىتلەرنىڭ قولاق-بۇرۇنلىرىنى، ھەتتا جىنسىي ئەزالىرىنى كېسىپ، قورساقلىرىنى يېرىپ، يۈرەكلىرىنى يۇلىۋېلىشقا باشلىدى. ھىندى بىنتۇ ئۇتبە ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆكرىكىنى يېرىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ، چايناپ يۇتالماي تۆكۈرۈۋەتتى ۋە قول-پۇتلىرىغا شېھىتلەرنىڭ قولاق، بۇرۇن ۋە باشقا ئەزالىرىنى زىرە-مونجاق ۋە بولاپكىلارغا تەقلىد قىلىپ ئېسىۋالدى.

مۇسۇلمان ئەزىمەتلەرنىڭ ئاخىرقى بىر نەپەس قالغۇچە ئېلىشىش ئىرادىسى

مۇشۇ سائەتلەر (يەنى جەڭ ئاخىرلىشاي دېگەن) دە مۇسۇلمان ئەزىمەتلەرنىڭ داۋاملىق جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ خۇدا يولىدا ئۆلۈمنى قانچىلىك مەنسىتمەيدىغان ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇنداق ئىككى ۋەقە يۈز بەردى.

1. كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئوھۇد ئۇرۇشى ئاخىرلىشاي دېگەندە مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمان شېھىتلەرنى پارچىلاپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە قىلمىشىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم-دە، ئورنۇمدىن تۇرۇپ جەڭ مەيدانىنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتتۈم. ئۇ يەردە بىر مۇشرىك مۇسۇلمان شېھىتلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئۇلارغا: «پۇتى چېتىلغان قويدەك تەييار يېتىڭلار»، دېگەچ ئۇلارنىڭ ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى يىغىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن يىراق بولمىغان يەردە بىر مۇسۇلمان دۇبۇلغىسىنى يۈزىگە تاشلاپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ يېتىپتۇ. شۇڭا مەن ئۇنىڭ كەينىگىرەك ئۆتۈپ، ھەر ئىككى تەرەپنى كۆزەتتىم. قارىماققا مۇشرىك تەرەپ مۇسۇلماندىن كۆپ ئۈستۈن كۆرۈنەتتى. مەن ئۇلاردىن نەزىرىمنى ئۈزمەي قاراپ تۇردىم. ھەتتا بىر چاغدا ئۇلار ئاخىر تۇتۇشۇپ قالدى ۋە مۇسۇلمان ھېلىقى قاۋۇل، بەستلىك كەلگەن مۇشرىكنى بىر قىلىچ ئۇرۇپلا، ساغرىسىغىچە پىچىپ، ئىككى پارچە قىلىپ تاشلىۋەتتى. ئاندىن يۈزىنى ئېچىپ: «قانداقراق ئى كەئەب! مانا مەن ئاكاڭ قارىغاي ئەبۇ دۇجانە»، دېدى.

2. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر مۇنچە مۇسۇلمان ئاياللار جەڭ مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن ئائىشە (ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى) ۋە ئۇممۇ سۇلەيملەرنىڭ پۇت-قوللىرىنى شىمايلاپ (ھەتتا پۇتلىرىنىڭ ھالقا-مونجاقلىرىمۇ ئېچىلىپ قالغانىدى)، سۇ تۇلۇملىرىنى يۈدۈپ، سۇ ئەكېلىپ يارىلانغان ۋە ھالىدىن كەتكەنلەرنىڭ ئېغىزىغا سۇ تېمىتىۋاتقانلىقىنى، سۇ تۈگىسە يەنە بېرىپ ئەكېلىپ ئەسكەرلەرنى سۇغۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»، دېگەن. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: «ئۇممۇ سەلىت (ئايال) ئوھۇد كۈنى بىزگە تۇلۇمدا يۈدۈپ سۇ توشۇپ بېرەتتى»، دېگەنىدى.

مانا بۇ باتۇر ئانىلار ئىچىدە ئۇممۇ ئەيمەنمۇ بار ئىدى. ئۇ ئەسلىدە مەدىنىدە قالغان بولۇپ، قىسمەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە قېچىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىندى ۋە ئۇلارنىڭ يۈزىگە توپا چېچىپ: «مېڭىش، تېزدىن ئۆيۈڭگە كىرىپ، يىپ، يىڭنە ۋە يىك-چاقلارنى قولۇڭغا ئېلىش! قىلىچنى بىزگە بەر، ئۇرۇشقا بىز چىقىمىز»، دەپ ئەيىبلىدى. ئاندىن ئۇ ئىنتايىن تېز سۈرئەت بىلەن يول يۈرۈپ ئوھۇد تېغى جەڭ مەيدانىغا يېتىپ كەلگەنىدى ۋە مۇسۇلمان ئاياللار بىلەن بىرلىكتە يارىدار ۋە ھالسىزلارنى سۇغۇرۇش ئىشىنى باشلىۋەتكەنىدى. ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭغا ھىببان ئىبنى ئەرقە ئىسىملىك بىر (كاپىر) ئەبلەخ ئوق ئېتىپ يىقىتىۋەتتى ۋە كىيىمىدىن ئايرىلىپ يالىڭاچلىنىپ قالدى. خۇدانىڭ دۈشمىنى ھىببان بۇنى كۆرۈپ كۈلۈپ، ۋالىقى يېرىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ يولسىزلىقى رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ئېغىر كەلگەن چېغى، ئۇ يېنىدىن بىر تال تىغسىز ئوقنى سەئەدكە ئۇزىتىپ: «مانا! بۇنى ئاۋۇ ئەبلەخكە ئات!» دېدى. ئۇنى سەئەد قولىغا ئېلىپ ئاتقانىدى. ئوق ھىببانىڭ يۈرىكىگە نەخ تېگىپ، ئۇنى يىقىتتى ۋە ئۇيان-بۇيان پۇچىلىنىپ موزايدەك يالىڭاچلىنىپ قالدى. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھمۇ كۈلۈپ كەتتى. كۈلگەندىمۇ قاقاقلاپ كۈلدى. ئاندىن : «يارايسەن سەئەد! ئۇنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بەردىڭ، ئاللاھ دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلسۇن» دېدى.

رەسۇلۇللاھ بارىگاھتا

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ بارىگاھتا”

رەسۇلۇللاھ تاغ جىلغىسىدىكى بارىگاھقا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب چىقىپ بېشىدىكى دوبۇلغا بىلەن مىھراس (چوڭ تاش قاچا يەنە بىر سۆزدە ئوھۇد جىلغىسىدىكى سۇنىڭ نامى)دىن ئۇنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن سۇ كەلتۈردى. رەسۇلۇللاھ سۇنى قولىغا ئېلىپ ئىچمەكچى بولغانىدى. سۇنىڭ بەدبوي پۇرىقى ئۇنى سەسكىندۈرۈپ قويغان چېغى، سۇنى ئىچمەي ياندۇرۇۋەتتى ۋە ئۇ سۇ بىلەن چىرايىدىكى قاننىڭ قالدۇقلىرىنى ۋە بېشىنى يۇيىۋېتىپ: «ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ باش-كۆزلىرىنى قانغا بويىغان كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ غەزىپى قاتتىق بولسۇن»، دېدى.

سەھل مۇنداق دېگەن: «قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىدىكى قانلارنى كىمنىڭ يۇغانلىقىنى، كىمنىڭ سۇ قۇيۇپ بەرگەنلىكىنى ۋە نېمە بىلەن دورىلانغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. فاتىمە يۇغانىدى، ئەلى ئىبنۇ ئەبى تالىپ بېشىدىكى دۇبۇلغىسى بىلەن سۇ ئەكېلىپ قۇيۇپ بەردى. فاتىمە يۇغانسېرى جاراھەتنىڭ قانسىراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بورىدىن ئازراق ئېلىپ كۆيدۈرۈپ، جاراھەتكە باستى. شۇنىڭ بىلەن قان توختىدى. شۇ ئارىلىقتا مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە بېرىپ تاتلىق، سوغۇق سۇدىن تېپىپ كەلگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ سۇدىن ئىچىپ مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمىگە خەيرلىك دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇنىڭ يارىلانغان ئەزالىرى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن، پىشىن نامىزىنى ئولتۇرۇپ ئوقۇدى ۋە مۇسۇلمانلارمۇ ئولتۇرۇپ ئىقتىدا قىلدى.

ئەبۇ سۇفياننىڭ ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى مەسخىرە كۈلكىسى ۋە ئۆمەر بىلەن جاۋابلاشقىنى

مۇشرىكلارنىڭ قايتىش تەييارلىقى پۈتكەندىن كېيىن ئەبۇ سۇفيان تاغقا چىقىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا: «مۇھەممەد بارمۇ؟» دپ توۋلىدى، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرماي جىمجىت تۇرۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «ئىبنى ئەبۇ قۇھاپە (ئەبۇ بەكرىنىڭ كونىيتى) بارمۇ؟» دەپ توۋلىدى. كۆپچىلىك يەنە جىم تۇرۇشتى. ئاندىن يەنە گېلىنى راسلاپ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتابچۇ؟» دەپ توۋلىغانىدى، ھېچ سادا چىقمىدى (ئەسلىدە رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى ئەبۇ سۇفيانغا جاۋاب قايتۇرۇشتىن توسقانىدى).

ئەبۇ سۇفيان ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىسلام مۇشۇ ئۈچ كىشى بىلەن بەرپا بولۇپ تۇرىدۇ، دېگەننى بىلگەچكە، ئۇ ئاۋۋال مۇشۇلارنى سورىشى مۇقەررەر ئىدى. بۇ چاغدا ئەبۇ سۇفيان: «ھە … ياخشى! بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆگەپتۇ»، دېدى، بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەر ئۆزىنى تۇتالماي: «ئى خۇدانىڭ دۈشمىنى!! سەن تىلغا ئالغانلارنىڭ ھەممىسى تېخى ھايات. ئاللاھ سېنىڭ ئەدىبىڭنى بېرىدىغانلارنى يەنىلا ھايات قويدى»، دەپ جاۋاب قايتۇردى. ئاندىن ئەبۇ سۇفيان: «سىلەرنىڭ ئۆلۈكلىرىڭلار پارچىلاپ تاشلىنىپتۇ، مەن بۇنداق قىلىشقا بۇيرىمىغان ھەم قايغۇرۇپمۇ كەتمەىدىم»، دېدى ۋە ئۈنلۈك ئاھاڭدا: «ئۇئلو ھوبول، ئوئلو ھوبۇل» (ياشا ھوبول‹بۇتنىڭ ئسىمى› ياشا ھوبۇل، ياشا ھوبۇل) دېيىشكە باشلىدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاڭلاپ: «ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمامسىلەر؟» دېدى، ساھابىلەر: «نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرىمىز؟» دېگەندەك رەسۇلۇللاھقا قاراشتى. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ ئالى ھەم ئۇلۇغ، دەپ جاۋاب بېرىڭلار»، دېدى.

ئاندىن يەنە ئەبۇ سۇفيان: «بىزگە ئۇززا ئىلاھ بار، سىزلەرگە ئۇززا ئىلاھ يوق»، دېگەنىدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇڭلار»، دېدى. ساھابىلەر: «نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرىمىز»، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ بىزنىڭ ئىگىمىز، سەنلەر قالدىڭ ئىگىسىز، دەپ جاۋاب قايتۇرۇڭلار»، دېدى.

ئاندىن ئەبۇ سۇفيان يەنە: «بۈگۈن ناھايىتى ئوبدان ئىش بولدى، بەدرى ئۇرۇشىدىكى ئىنتىقامىمىزنى ئالدۇق، غەلىبە دېگەن بىر كۈن ماڭا بىر كۈن ساڭا يۈزلىنىدۇ، مانا بۈگۈن تەڭمۇتەڭ بولدى»، دېگەنىدى، ئۇنىڭغا ئۆمەر جاۋاب بېرىپ: «ھەرگىزمۇ تەڭ-باراۋەر ئەمەس، بىزنىڭ (شېىھت بولغان) قېرىنداشلىرىمىز جەننەتتە بولىدۇ، سىلەرنىڭ تاپلىرىڭلار دوزىخى بولىدۇ»، دېدى. يۇقارقى كەسكىن مۇنازىرە ۋە جاۋابلىشىشتىن كېيىن ئەبۇ سۇفيان ئۆمەرگە: «بۇياققا كەل! ئى ئۆمەر!» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۆمەرگە: «بىېرىپ قاراپ باققىن، نېمە گېپى باركىن؟» دېدى. ئۆمەر ئەبۇ سۇفيانغا يېقىن بېرىۋىدى، ئەبۇ سۇفيان: «ئى ئۆمەر، مەن سەندىن ئاللاھنى ئارىغا سېلىپ تۇرۇپ سوراپ باقاي، بىز مۇھەممەدنى ئۆلتۈردۈكمۇ، يوق؟» دەپ سورىدى. ئۆمەر: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھەرگىز ئۇنداق ئىش يوق، ئۇ شۇ تاپتا سېنىڭ مۇشۇ گەپلىرىڭنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ»، دەپ جاۋاب بەردى. ئەبۇ سۇفيان: «مېنىڭ نەزىرىمدە سەن ئىبنى قەمىئەدىن راستچىل ھەم سەمىمىي، سېنىڭ گېپىڭگە ئىشىنىمەن»، دېدى.

بەدرىدە ئۇچرىشىشقا ۋەدىلىشىش

بۆلۈم: “بەدرىدە ئۇچرىشىشقا ۋەدىلىشىش”

ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ سۇفيان ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغدىن چۈشۈش ئالدىدا ئېلانچىسى ئارقىلىق توۋلاپ: «سىلەرگە دەيدىغان گەپ: كېلەر يىلى بەدرىدە ئۇچرىشىمىز»، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ يېنىدىراق تۇرغان بىر ساھابىسىگە: «بولىدۇ، بۇ ھەر ئىككىمىزگە ۋەدە بولسۇن، دېگىن»، دېدى.

مۇشرىكلارنىڭ ھەرىكەت نىشانىنى كۆزىتىش

مەزكۇر ۋەدە ئاغزاكى پۈتۈشۈلۈپ، ئەبۇ سۇفيان بارگاھقا قايتقاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنى ئەۋەتىپ: «سەن دۈشمەننىڭ ئارقسىدىن چىقىپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىغا ۋە نېمە ئىش قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا نازارەت قىلغىن، ئۇلار ئاتنى يانغا ئېلىپ، تۆگىگە مىنىپ ماڭغان بولسا ئۇدۇل مەككىگە ماڭغان بولىدۇ، ناۋادا ئاتلىرىغا مىنىشىپ، تۆگىلىرىنى بىكار ھەيدەپ مېڭىشقان بولسا، چوقۇم مەدىنىنى نىشانلاپ ماڭغان بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇلار مەدىنىگە ماڭغان بولسا، كېينىدىن قوغلاپ كىرىپ، ئاخىرقى نەپەسكىچە تىغمۇ-تىغ ئېلىشىمەن»، دېدى. ئەلى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: «شۇنىڭ بىلەن مەن مۇشرىكلارنىڭ كەينىدىن چىقىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتتىم، ئۇلار ئاتنى يېتىلەپ، تۆگىلىرىگە مىنىپ، مەككىگە قاراپ يۈرۈپ كېتىشتى».

شېھىتلەر ۋە يارىدارلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش

قۇرەيش كاپىرلىرى ئوھۇد دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار شېھىتلەر ۋە يارىدارلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا باشلىدى. زەيد ئىبنى سابىت مۇنداق دەيدۇ: شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ مېنى سەئەد ئىبنى رەبىئنى ئىزلەشكە ئەۋەتتى ۋە: «ئۇنى كۆرسەڭ مەندىن سالام دېگىن ھەمدە ئۇنىڭغا: ‹رەسۇلۇللاھ سەندىن ئۆزۈڭ قانداقراق؟› دەپ سورايدۇ، دېگىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن جەسەتلەر ئارىسىنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئاخىر ئۇنى تاپتىم. ۋەھالەنكى، ئۇ ئاخىرقى نەپەسكە چۈشۈپ قالغانىكەن. ئۇنىڭ بەدىنىدە نەيزە ئۇرۇلغان، قىلىچ كەسكەن ۋە ئوق تەگكەن جاراھەت بولۇپ، بەدىنىنىڭ 70 نەچچە يېرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغانىكەن. ئۇنىڭغا دېدىمكى: «ئى سەئەد! رەسۇلۇللاھ ساڭا سالام يوللىدى ۋە ئېيتتىكى، ئەھۋالىڭ قانداقراق؟ ماڭا ئېيتقىن»، دېدى. سەئەد ناھايىتى تۆۋەن ئاۋاز بىلەن: «رەسۇلۇللاھقىمۇ سالام بولسۇن، ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىنكى، ئى رەسۇلۇللاھ، مەن جەننەتنىڭ ھىدىنى پۇراۋاتىمەن ۋە قەۋمىم ئەنسارلارغا يەتكۈزۈپ قويغىنكى، سىلەرنىڭ كۆزۈڭلار مىدىرلاپلا تۇرىدىكەن، رەسۇلۇللاھ بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ قالسا قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى ئاقلاشقا يۈزۈڭلار قالمايدۇ»، دېدى-دە، شۇ ھامان جان ئۈزدى.

ساھابىلەر يەنە يارىدارلار ئارىسىدا ئۇسەيرەم (كالتا شەمشەر، ئەسلى ئىسمى ئەمرى ئىبنى سابىت)نى تاپتى. ئۇمۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. مۇسۇلمانلار ئۇنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىسلامغا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ رەت قىلىپ كەلگەنىدى. شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشىپ: «ئۇسەيرەمنى بۇ يەرگە نېمە ئېلىپ كەلگەندۇ؟ بىز ئۇنى مەدىنىدە تاشلاپ چىققاندا، ئۇنىڭ بۇ دىنغا ئىنكارى خېلى كۈچلۈك ئىدى»، دېيىشتى. ئاندىن ئۇنىڭدىن سوراپ كۆردى: «سېنى بۇ يەرگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟ ئۆز خەلقىڭنى دەپ چىقتىڭمۇ ياكى ئىسلام دىنىغا قىزىقىپ، ئۇنى قوغداش ئۈچۈن چىقتىڭمۇ؟»دېيىشتى، ئۇسەيرەم جاۋاب بېرىپ: «ئەلۋەتتە ئىسلامغا بولغان رىغبىتىم مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ چىقتى. مەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈردۈم، ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ سېپىدە تۇرۇپ جەڭ قىلدىم. ئاخىر مۇشۇ ھالغا كېلىپ ياتتىم»، دېدى-دە، گېپى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا جان ئۈزدى. بۇنى رەسۇلۇللاھقا خەۋەرى قىلىنىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇ ئەھلى جەننىتى»، دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھقا باش قويۇپ سەجدە قىلىپ باقمىغانىدى».

يارىدارلار ئارىسىدا يەنە قەزمان ئۇچرىتىلدى. ئۇ (جەڭ مەيدانىدا ئاجايىپ قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇشۇپ يەتتە ياكى سەككىز مۇشرىكنى يەر چىشلەتكەندىن كېيىن) يارىلىنىپ يىقىلغانىدى. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئۇنى بەنى زۇفەر دىيارىغا يۆتكىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىسلام يولىدا تارتقان دەرد-ئەلەمنىڭ ئەجرى-مۇكاپاتى بىلەن بېشارەت بېرىۋىدى، ئۇ: «مەن دېگەن ئۆز خەلقىمنىڭ ۋە ئۆز ۋەتىنىمنىڭ شان-شەرىپىنى دەپ ئۇرۇشتۇم. شۇنى دېمىسەم ھەرگىز ئۇرۇشمايتتىم»، دېدى. شۇ ئارىلىقتا ئۇ ئاغرىققا چىدىماي ئۆزىنى بوغۇزلىۋالدى. رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا قەزمان تىلغا ئېلىنسا: «ئۇ ئەھلى دوزىخى»، دەيتتى.

مۆھتەرەم كىتابخان! مانا بۇ مىللەتچىلىك ياكى ۋەتەنچىلىك ۋەياكى ئاللاھنىڭ دىنىنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىشتىن باشقا ھەر قانداق بىر مەسلەك ئىگىلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقانلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. گەرچە ئۇلار ئىسلام تۇغى ئاستىدا ئۇرۇشۇپ ئۆلگەن بولسىمۇ… ۋە گەرچە ھەتتاكى رەسۇلۇللاھ ۋە ياكى ساھابەكىراملار تەشكىللىگەن ھەربىي سەپلەردە بولسىمۇ، شۇنداق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

بۇنىڭ ئەكسىچە شېھىتلەر ئارىسىدا بەنى سوئلەبە يەھۇدىيلىرىدىن بىر كىشىنىڭ جەسىتى بايقالدى. ئۇ ئۆز قەۋمىگە: «ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، مۇھەممەدكە ياردەم بېرىش زىممەڭلاردىكى مەجبۇرىيەت» دېگەن. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «دېگىنىڭ راست، لېكىن بۈگۈن كۈنگە شەنبە»، دېيىشكەن. شۇڭا ئۇ قىلىچ ۋە باشقا ياراقلىرىنى ئېلىپ: «ئەگەر مەن جەڭدە مۇسىبەتكە ئۇچرىسام، مېنىڭ بارلىق مال-مۈلكۈم مۇھەممەدكە مەنسۇپ. ئۇ بۇ مېلىمنى ئۆزى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلسۇن»، دەپ قويۇپ تاڭ سەھەردە ئاتلىنىپ جەڭ مەيدانىغا چىقىپ، ئۇرۇشۇپ ئاخىرى مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان. ئۇنىڭ ھەققىدە رەسۇلۇللاھ: «مۇخەيرىق يەھۇدىيلارنىڭ ياخشىسى»، دەيتتى.

شېھىتلەرنىڭ جەملىنىپ دەپنە قىلىنىشى

رەسۇلۇللاھ شېھتلەرنىڭ قېشىغا كېلىپ باشتىن-ئاخىر بىر-بىرلەپ قاراپ چىقتى. ئاندىن مۇنداق دېدى: «مەن بۇلارغا گۇۋاھمەن، كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا يارىلىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى يارىسى قان تۆككەن ھالدا تىرىلدۈرىدۇ. قاننىڭ رەڭگى قىزىل، ئەمما ئىپارنىڭ ھىدىدا بولىدۇ». ساھابىلارنىڭ بەزىسى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئۇرۇغ-تۇغقان يار-بۇرادەرلىرىنى مەدىنىگە يۆتكەپ كەتكەنىدى. رەسۇلۇللاھ شېھىتلەرنى ئۆز جايىغا قايتۇرۇپ، تېرە-تۆمۈر دېگەندەك قوشۇمچە كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىپ، ئەسلى كىيىمى بىلەنلا، يۇماي يىقىلغان يېرىگە دەپنە قىلىشقا بۇيرىدى. ئىككى-ئۈچ كىشى بىر قەبرىگە قويۇلدى. ھەتتا بىر كېپەنگە ئىككى كىشىنى ئېلىشقىمۇ توغرا كەلدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنىڭ قايسىسى قۇرئاننى كۆپرەك يادقا بىلىدۇ؟» دەپ سورايتتى. ئۇلار: «پالانى»، دەپ بىرىنى كۆرسەتسە، شۇنى لەھەتكە بۇرۇن قوياتتى ۋە: «قىيامەتتە مەن بۇلارغا گۇۋاھچى بولىمەن»، دەيتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى ئىبنى ھەرام بىلەن ئەمرى ئىبنى جەمۇھە ئوتتۇرىسىدا قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولغاچقا بۇ ئىككى دوست بىر قەبرىگە قويۇلدى. ساھابىلەر يەنە جەسەتلەر ئارىسىدا ھەنزەلە (ئىبنى ئامىر)نىڭ جەسىتىنى تاپالماي كۆپ ئىزدىدى. ئاخىر بىر چاغدا ئۇنى بىر تۆپىلىكتىن بەدىنىدىن سۇ تامچىلاپ تۇرغان ھالەتتە ئۇچراتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «ھەنزەلەنى پەرىشتىلەر يۇيۇپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى». ئاندىن كېيىن: «ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنىڭ ئەھلىسىدىن سوراپ بېقىڭلار»، دېدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەھلىيىسىدىن سورىغانىدى، ئۇ: «ھەنزەلە جىنابەتتە ئىدى، ئۇ جەڭ چاقىرىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن غۇسلى قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي چىقىپ كەتكەن»، دېدى. شۇ ۋەجىدىن ھەنزەلە «غەسىيلۇلمەلائىكە» (پەرىشتىلەر غۇسلى قىلدۇرغان ئادەم) دەپ ئاتالدى. رەسۇلۇللاھ (ئۆز تاغىسى ھەم ئىمىلدەش قېرىندىشى) ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنى كۆرگەندە ناھايىتى قايغۇردى. رەسۇلۇللاھنىڭ ھامماچىسى سەفىييە (ھەمزىنىڭ ھەمشىرىسى) كېلىپ قېرىندىشى ھەمزىنى كۆرۈۋالماقچى بولۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئوغلى زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنى بۇيرۇپ: «ئاپاڭنى قايتۇرۇپ كەتكىن، قېرىندىشىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرۈپ قالمىسۇن»، دېدى. بۇ چاغدا سەفىييە: «نېمە ئۈچۈن كۆرمەيدىكەنمەن؟ ئاڭلىشىمچە ئۇ پارچىلىنىپ مۇسىلە قىلىنىپتۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ يولىدا كەلگەن مۇسىبەت، ئاللاھ ئۈچۈن بىز ھەممىدىن رازى، مەن ئىنشائاللاھ ئۆزەمنى تۇتۇۋالىمەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى-دە، كېلىپ ھەمزىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرۈۋالدى ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، ئىستىرجا ئېيتتى ۋە ئىستىغپار تىلىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ھەمزىنى ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنۇ جەھىش بىلەن بىر قەبرىگە دەپنە قىلىشقا بۇيرىدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دېگەن: «بىز رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھەمزە ئىبنۇ ئابدۇلمۇتەللىپكە يېغلىغىنىدەك بىراۋغا يىغلىغىنىنى كۆرمىگەنىدۇق، ئۇ ھەمزىنى قىبلىگە قويۇپ، جەسەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى، ھەتتاكى ھۆڭرەپ تاشلىدى».

شېھىتلەرنىڭ قاتار ياتقان كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھەم پاجىئەلىك بولۇپ، يۈرەكنى ئېزەتتى. خەبباب مۇنداق دېگەن: «ھەمزە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)گە پەقەت ئاددى بىر تال تون چاپاندىن باشقا كېپەنلىك تېپىلمىدى. ئۇنىڭ بىلەن باش تەرىپى يۆگەلسە، ئاياغ تەرىپى ئېچىلىپ قالاتتى. ئاياغ تەرىپى يۆگەلسە، باش تەرىپى ئېچىلىپ قالاتتى. ئاخىر بولماي كىيىمنى ئۇنىڭ باش تەرىپىگە تارتىلىپ، ئاياغ تەرىپىگە ئىزخىر (ئۆسۈملۈك نامى) پاخىلى قويۇلدى».

كېيىنكى كۈنلەردە ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋف مۇنداق دەپ بەرگەنىدى: «مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرمۇ مۇسىبەتكە ئۇچرىدى. ئۇ مەندىن كۆپ ياخشى كىشى ئىدى. ئۇ بىرلا توندا كېپەنلەندى. ئۇ توننى ئۇنىڭ بېشىغا يېپىلسا، پۇتى ئوچۇق قالاتتى. پۇتىغا يېپىلسا، بېشى ئۇچۇق قالاتتى». خەببابنىڭ رىۋايىتىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بايانلار بار. ئۇنىڭدا يەنە: «بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ بىزگە: ‹ئۇ كىيىم بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى يۆگەڭلار، پۇتىغا ئىزخىر پاخىلى سېلىڭلار›، دېدى»، دېيىلگەن.

رەسۇلۇللاھنىڭ پەرۋەردىگار تائالاغا سانا ئېيتىپ دۇئا قىلغانلىقى

ئىمام ئەھمەد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئوھۇد كۈنى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، مۇشرىكلار ئۆز يولىغا راۋان بولۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىگە: ‹سەپكە كېلىڭلار، مەن ئاللاھقا سانا ئېيتىۋالاي›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ كېينىگە سەپ بولۇپ تۇرغانىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹ئى ئاللاھ! جىمى ھەمدۇسانا ساڭا مەنسۇپتۇر، ئى ئاللاھ! سەن كەڭ قويۇۋەتكەننى يىغىپ قورىغۇچى يوقتۇر. سەن يېغىۋالغاننى قويۇۋەتكۈچى يوقتۇر، سەن ئازدۇرغاننى ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر، سەن ھىدايەت قىلغاننى ھېچ كىشى ئازدۇرالمايدۇ، سەن بەرمىگەننى بەرگۈچى يوقتۇر، سەن بەرگەننى كىشى توسالمايدۇ، سەن يىراق قىلغاننى يېقىن قىلغۇچى يوقتۇر، سەن يېقىن قىلغاننى ھېچ كىشى يىراقلاشتۇرالمايدۇ، ئى ئاللاھ! بىزگە بەرىكەتلىرىڭنى كەڭ قىلغىن، رەھمىتىڭنى كەڭ قىلغىن، پەزلى-كەرەمىڭنى ۋە رىزقى ئىنئامىڭنى كەڭ قىلغىن (ئامىين!).

ئى ئاللاھ! مەن سەندىن توزىمايدىغان، يوقالمايدىغان مۇقىيم نېئمەت تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭدىن قىيىن كۈنلەردە ياردەم بېرىشىڭنى خەۋپ-خەتەرلەردىن ئامان قىلىشىڭنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مەن سىنېڭ بىلەن سەن بىزگە ئاتا قىلغان ۋە ياكى ئاتايىڭدىن ساقىت قىلغان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! بىزگە ئىماننى ياخشى كۆرسەتكىن، دىللىرىمىزنى ئىمان بىلەن زىننەتلىگىن، بىزگە كۇپرىنى، پىسقى-فۇجۇرنى ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى سەت (يامان) كۆرسەتكىن ۋە بىزلەرنى تەۋفىق-ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن (ئامىين!).

ئى ئاللاھ! بىزنى ۋاپات قىلدۇرساڭمۇ مۇسۇلمان ھالەتتە ۋاپات قىلدۇرغىن، ھايات قويساڭمۇ مۇسۇلمان ھالەتتە ھايات قويغىن. بىزنى رەسۋايى جاھان بولمىغان، زىيان تارتمىغان ۋە پىتنە-پاساتلارغا مۇپتىلا قىلمىغان ھالەتتە سالىھ (ياخشى)لەرگە يېتىشتۈرگىن. ئى ئاللاھ! سېنىڭ پەيغەمبىرىڭنى ئىنكار قىلغان، سېنىڭ ھەق يولۇڭدىن توسقان كافىرلەرگە لەنەت قىلغىن، سېنىڭ غەزىپىڭنى ۋە ئازاۋىڭنى شۇلارغا قىلغىن. ئى ئاللاھ! كىتاب چۈشكەن كاپىرلارغا لەنەت قىلغىن، سەن ھەققانىي ئىلاھتۇرسەن»، دەپ دۇئا قىلدى.

مەدىنىگە قايتىش، دوستلۇق ۋە پىداكارلىق روھى

رەسۇلۇللاھ شېھىتلەرنى دەپنە قىلىش ۋە ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشلاردىن پارىغ بولغاندىن كېيىن مەدىنىگە قاراپ يول ئالدى. ئۇ جەڭ مەيدانىدا مۇسۇلمان ئەزىمەتلەردىن ئاجايىپ ساداقەت ۋە مىسلىسىز پىداكارلىقلارنى كۆرگىنىدەك مەدىنىگە يېتىپ كەلگىنىدە سەمىمىي، سادىق مۇسۇلمان ئاياللاردىن ئىنسانلار تەبىئىتىدە كەم كۆرۈلىدىغان مېھرى-مۇھەببەت ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇغان پىداكارلىق روھىنى ھېس قىلدى.

ھەمىنە بىنتى جەھىش رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ھال سوراپ چىققانىدى. يول ئۈستىدە ئۇنىڭغا ئۇنىڭ قېرىندىشى ئابدۇللاھ ئىبنى جەھىشنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى ئۇقتۇرۇلدى. ھەمىنە بۇنى ئاڭلاپ ئىستىرجا (قالوا انا للھ و انا اليھ راجىون) (يەنى، بىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇرمىز، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز) ئېيتتى ۋە ئىستىغپار تىلىدى. ئارقىدىن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ (ئانا تەرەپ) تاغىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئۆلۈمى خەۋەر قىلىنىۋىدى، يەنە ئىستىرجا ئېيتتى ۋە ئىستىغپار تىلىدى. ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئېرى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭمۇ بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى يەتكۈزۈلۈۋېدى، ھەمنە توۋلاپ تاشلىدى ۋە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: «ئايال كىشى دېگەننىڭ ئېرى ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بولىدۇ ھە!» دېدى.

بەنى دىنار جەمەتىدىن بىر ئايال مۇجاھىدلارنىڭ ئالدىغا چىققانىدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئۇنىڭ ئېرى، بىر تۇغقان قېرىندىشى ھەمدە ئاتىسى قاتار شېھىت بولۇپ يىقىلغانىدى. بۇ ئايال ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن: «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھۋالى قانداق بولدى؟» دەپ سورىدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا: «ياخشى، ئى ھەمشىرەم! ئۇ الچمد للھ، سىز ئارزۇ قىلغىنىڭىزدەك ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ»، دېگەنىدى، ئۇ: «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا مېنى باشلاپ بېرىڭلار، مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۆرەي»، دېدى. ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ كۆرسۈتۈپ قويۇلىۋىدى، ئۇ: «سەن ھايات بولساڭلا، ھەر قانچە مۇسىبەت ھېچقانچە (يەنى مۇسىبەت ئەمەس دېمەكچى)دۇر»، دېدى.

رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قايتىپ كېلىۋىدى، سەئەد ئىبنى مەئازنىڭ ئانىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقتى. بۇ چاغدا سەئەد رەسۇلۇللاھنىڭ ئېتىنىڭ چۇلۋىرىنى تۇتۇپ كېتىۋاتاتتى. سەئەد ئانىسىنى كۆرۈپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئانام»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى قارشى ئالىمىز»، دېدى ۋە ئۇنىڭغا توختاپ تۇردى. ئۇ خوتۇن يېقىنلاپ كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئوغلى ئەمرى ئىبنى مۇئاز توغرىلىق تەسەللى بەردى. ئۇ خوتۇن: «ئى رەسۇلۇللاھ! سېنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كەلگىنىڭنى كۆرۈپ بارلىق مۇسىبەتنى ھېچنېمە سانىمىدىم»، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئوھۇد جەڭ مەيدانىدا شېھىت بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا دۇئا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى سەئەدنىڭ ئاپىسى! سىزگە ۋە بارلىق شېھىتلەرنىڭ ئەھلى ئەۋلادلىرىغا خۇشخەۋەركى، ئۇلارنىڭ مۇسىبەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرى ھەممىسى بىر يەرگە جەم بولۇشتى ۋە ھەممىسى ئۆز ئەھلىگە شاپائەت قىلىدىغان مەرتىۋىگە ئېرىشتى». سەئەدنىڭ ئاپىسى بۇنى ئاڭلاپ: «بىز رازى بولدۇق، ئى رەسۇلۇللاھ! بۇنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇلارغا يەنە كىممۇ يىغلىسۇن؟» دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: «ئى رەسۇلۇللاھ! شېھىتلەرنىڭ ئەھلى بالا-چاقىلىرىغا دۇئا قىلسىلا»، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ! مۇسىبەت ئىگىلىرىنىڭ قەلبىدىن غەم-قايغۇلىرىنى كەتكۈزگىن، ئۇلارنىڭ مۇسىبەت، دەرد-ئەلىمىنى يېنىكلەتكىن، ۋارىسلىرىغا ياخشى ئىز باسار ئاتا قىلغىن»، دېدى.

رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە

بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە”

رەسۇلۇللاھ شۇ كۈنى (ھىجرەتنىڭ 3- يىلى شەۋۋال يەنى 10- ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنى شەنبە) كەچ زاۋال بىلەن مەدىنىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپلا قىزى فاتىمىگە قىلىچنى ئۇزىتىپ: «قىزىم! بۇنىڭدىكى قانلارنى يۇيۇۋەت، ئۇ بۈگۈن ماڭا بەك ئەسقاتتى»، دېدى. ئۇنىڭغا يەنە ئەلى ئىبنۇ ئەبى تالىپمۇ قىلىچنى ئۇزىتىپ: «بۇنى ھەم يۇيۇۋېتىڭ، ئەزبىرايى خۇدا بۇ ماڭا بۈگۈن بەك ئەسقاتتى»، دېگەنىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «سەن بۈگۈن ئۇرۇشتا سۇباتلىق بىلەن جەڭ قىلىپ ئەسقاتقىنىڭدەك سەھل ئىبنۇ ھۇنەيف ۋە ئەبۇ دۇجانىلەرمۇ بەك ئەسقاتتى»، دېدى.

ئىككى تەرەپتىن چىقىم بولغانلار

ئوھۇد غازىتىغا ئائىت رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا بىرلىككە كەلدىكى، بۇ غازاتتا مۇسۇلمانلار تەرەپتىن چىقىم بولغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 70 كىشى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنسارلاردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 65 كىشىدىن 41 ى خەزرەج ئەنسارلىرىدىن، 24 ى ئەۋس (قەبىلىسى) ئەنسارلىرىدىن، بىر كىشى يەھۇدىيلاردىن، تۆت كىشى مۇھاجىرلاردىن ئىدى. ئەمما مۇشرىكلار تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى (ئىبنى ئىسھاقنىڭ زىكرى قىلىشىچە) پەقەت 22لا ئادەم ئىكەن. لېكىن ئىنچىكىلەپ سىتاستىكىلىغاندا (مۇشۇ غازاتقا ئائىت تارىخشۇناسلارنىڭ نەقىللىرىگە ۋە ھەر قايسى جەڭ نۇقتىلىرىدا مۇشرىكلار تەرەپتىن يەر چىشلىگەنلەرنىڭ ئەھۋالى زىكرى قىلىنغان ۋەسىقىلەرگە ئاساسلانغاندا) ئۇلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 22 ئەمەس، بەلكى 35 كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم (ھەقىقىتىگە ئاللاھ ئۆزى ئالىمدۇر).

مەدىنىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈشى

مۇسۇلمانلار مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ شۇ كېچىنى (يەنى ھىجىرىيىنىڭ 3- يىلى شەۋۋالنىڭ سەككىزىنچى كۈنى يەكشەنبە يۇرۇش كېچىسىنى) جىددىي ھالەتتە ئۆتكۈزدى. ئۇلار پۈتۈن بىر كېچە (ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق چارچاپ ھارغانلىقلىرىغا، جاراھەت ۋە يارىلىرىنىڭ تاقەتسىز ئاغرىۋاتقانلىقلىرىغا قارىماي) مەدىنە يول ئېغىزلىرى ۋە كىرىش ئۆتەڭلىرىدە قاراۋۇللۇقتا تۇرۇپ چىقتى. بولۇپمۇ ئالى باش قوماندانىمىز مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھنى قوغداپ، بىدار ھالەتتە تۇرۇپ قاراۋۇللۇق قىلدى. چۈنكى، بۈگۈن ھەر خىل ئېھتىماللىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايتتى.

ھەمرائۇلئەسەد غازىتى

رەسۇلۇللاھ گەرچە ئۆيىگە كىرىپ ئارام ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كېچىچە ھازىرقى ۋەزىيەت توغرىسىدا ئويلىنىپ، تاكى سەھەرگە قەدەر كىرپىك قاقمىغانىدى. ئۇ كېچىدىن بىرى «ناۋادا مۇشرىكلار جەڭ مەيدانىدا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنالمىغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ، ئالدىراپ مەككىگە قايتقانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ قالسا، مەدىنىگە قايتا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يولدىن يېنىپ كېلىشى مۇمكىن»، دېگەن توغرىلىق ئويلىناتتى. شۇڭا، ئۇ كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىر مەككە قوشۇنىغا قارىتا «قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتى» قوزغاش قارارىغا كەلدى.

تارىخشۇناسلار شۇنداق خۇلاسىلىدىكى، رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ كۈنى ئەتتىگەن تاڭ سەھەردە (يەنى ھىجىرىيىنىڭ 3- يىلى شەۋۋالنىڭ سەككىزىنچى كۈنى ئوھۇدتىن قايتىپ كىرىپ ئەتىسى يەكشەنبە تاڭ سەھەردە) مۇسۇلمانلارغا ئومۇمىيۈزلۈك ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئېلان قىلغۇزدى ۋە ئۇلارنى دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بېرىشكە ئاتلىنىشقا چاقىردى. ئۇ ئاتلىنىش ئالدىدا: «بىز بىلەن پەقەت ئوھۇد ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارلا چىقسۇن»، دېگەنىدى. دەرھال ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي: «مەن چىقىمەنمۇ؟ يا رەسۇلۇللاھ!» دېدى. لېكىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ تەكلىۋىنى كەسكىن رەت قىلىپ: «بولمايدۇ»، دەپ ئۈزۈۋەتتى. مۇسۇلمانلار ئومۇمىيۈزلۈك ھەرىكەتكە كېلىپ، يارا-جاراھەتلىرىنى تېڭىپ، ھەر تەرەپتىن يېغىۋاتقان خەۋپ-خەتەر ۋەھىمىسىگە پىسەنت قىلماي ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى ۋە ھەممىسى بىردەك قىلىپ: «سۆزۈڭنى ئاڭلايمىز ھەم ئىتائەت قىلىمىز»، دېيىشتى. بۇ قېتىم ئۇرۇشقا قاتناشقانلاردىن جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن سەن قوزغىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قاتنىشىشنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلاتتىم. بىراق، بۇ قېتىم ئاتام مېنى قىزلىرىغا قاراشقا قالدۇرۇپ قويغانىدى. شۇڭا، ئوھۇدقا قاتنىشالمىدىم. ماڭا ئىزنى قىلساڭ سەن بىلەن بىرگە چىقسام»، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى.

ئاندىن رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنى باشلاپ مەدىنىدىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ ھەتتا بىر چاغدا ھەمرائۇلئەسەد (مەدىنىدىن 15 كىلومېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ) دېگەن جايغا بېرىپ چۈشۈپ مۇشۇ يەرگە قارارگاھنى تىكتى ۋە گازارما تەسىس قىلىدى.

دەل مۇشۇ پەيتتە، رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا مەئبەد ئىبنى ئەبۇ مەئبەد خۇزائى كېلىپ مۇسۇلمان بولدى (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ بۇ يەردە مۇسۇلمان بولمىغان، بەلكى ئۇ شرىك ئەقىدىدە بولسىمۇ، لېكىن بەنى ھاشىم جەمەتى بىلەن خۇزائە قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى كونا قەدىناسلىق مۇناسىۋەت ئۇنى رەسۇلۇللاھقا ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈشكە ئۈندىگەن) ۋە: «ئى مۇھەممەد! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ساڭا كەلگەن بۇ كۆڭۈلسىزلىك بىزگە بەكمۇ ئېغىر كەلدى. ئاللاھ ساق-سالامەتلىك ئاتا قىلسىچۇ؟ دەپ قالدۇق»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئەبۇ سۇفياننىڭ كەينىدىن يېتىپ، ئۇنىڭغا سىياسىي ھۇجۇم قوزغاپ قورقۇتۇپ ئۈركۈتۈشكە بۇيرىدى.

شۇنداق … رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشرىكلار قوشۇنى يولدىن يېنىپ كېلىپ مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش خىيالىدا بولۇشىدىن ئەنسىرىگىنى ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەنلىك ئەمەس ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ ئۇلار مەدىنىدىن 36 مىل (58 كىلومېتردەك) يول يۈرۈپ «رەۋھا» دېگەن جايغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۆزئارا تاپا-مالامەت قىلىشىپ ۋە يۇقىرى-تۆۋەن غوتۇلدىشىپ: «ھىچ ئىش قىلالماي كەلدۇق. پەقەت شانۇ-شەۋكىتىنىلا يەرگە ئۇرالىدۇق، خالاس. ئاندىن تاشلاپ كەلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىزگە قارشى ئادەم توپلىيالىغۇدەك كىشىلەر يەنە قېلىپ قالدى. شۇڭا قايتىشىمىز كېرەك ۋە ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك»، دەپ داۋراڭ سېلىشتى.

قارىغاندا، بۇ پىكىر ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ۋە مەنىۋى كۈچىنى راسا ياخشى مۆلچەرلەپ كېتەلمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن مۇنداقچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر سۆزدەك قىلاتتى. شۇڭا بۇ پىكىرگە قوشۇن مەسئۇلى سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە دەرھال قارشى چىقتى. ئۇ : «ئى خالايىق! مەن ئۇلار (يەنى مۇسۇلمانلار)نىڭ ۋە (ئوھۇد جەڭ مەيدانىغا) چىقىشتىن قېپقالغانلىرىنىڭمۇ بىرگە توپلىنىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيمەن. شۇڭا قايتايلى، غەلىبە ھامان بىزگە مەنسۇپ، قايتا جەڭ قوزغىغاندا ئۇرۇش چاقى بىزگە قارشى چۆرگىلەپ قېلىپ، كېلىشمەسلىك يۈز بېرىشىدىن ئەمىن بولغىلى بولمايدۇ» دېدى. بىراق، بۇ پىكىر مۇتلەق كۆپ ساندىكى غەۋغاچى ئاۋامنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى ئالدىدا تاشلىنىپ قالدى ۋە بۇنى قوللايدىغانغا ئادەم چىقمىدى. نەتىجىدە مەككە قوشۇنى رەۋھادىن ئايرىلىپ مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىشقا تەييار بولدى. لېكىن، ئەبۇ سۇفيان ئاتلىنىش بۇيرۇقى چىقىرىش ئالدىدا ئۇشتۇمتۇت مەئبەد ئىبنى ئەبۇ مەئبەد خۇزائى پەيدا بولۇپ قالدى. ئەبۇ سۇفيان مەئبەدنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇقمايتتى. شۇڭا، ئۇ ئاددىيلا سالام-سىھەتتىن كېيىن: «ئى مەئبەد! يولدا بىرەر غەيرى ئەھۋال ئۇچراتتىڭمۇ؟» دەپ سورىدى. بۇ چاغدا مەئبەد ئۇنىڭغا (سىياسىي ھۇجۇم قوزغاپ): «مۇھەممەدنى ئۇچراتتىم، ئۇ سىلەرنى قوغلاپ شۇنداق كۆپ قوشۇن بىلەن چىقىپتۇكى، مەن ئۇنداق قوشۇننى كۆرمىگەنىدىم. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن قىساس ئوتى چاقماق چېقىۋېتىپتۇ. ئوھۇد مەيدانىغا قاتناشمىغانلارمۇ قوشۇلۇپ چىقىمدار بولغىنىغا ھەسرەت-نادامەت چېكىپ، مىسلىسىز قەھرى-غەزەب بىلەن ئىلگىرىلەپ كېلىۋېتىپتۇ. مەن ئۇنداق قارام تەلۋىلەرنى كۆرمىگەنمەن»، دەپ جاۋاب بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سۇفيان: «ھوي مەئبەد! نېمە دەيدىغانسەن»، دەپ چۆچۈپ كەتتى.

بۇ چاغدا مەئبەد يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ھۇجۇم قوزغاپ»: «ئەزبىرايى خۇدا، سەن مۇشۇ يەردىن قوزغىلىپ بولغىچە، ئاللىقاچان ئاتلىق قوشۇنلارنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ قالىسەن (ياكى مۇشۇ دۆۋىلەرنىڭ كەينىدىن ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قالىسەن)، دېدى. ئەبۇ سۇفيان: «بىز تېخى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتاتتۇق»، دېگەنىدى، مەئبەد: «ئۇنداق خىيالدا بولما، مەن ساڭا كۈيۈنىپ، شۇنداق دەۋاتىمەن»، دېدى.

بۇنى ئاڭلاپ مەككە ئارمىيىسىنىڭ ئىرادىسى بوشاپ، بەدەنلىرىنى تىترەك باستى. يۈرەكلىرى جىغىلداپ، پۇتلىرى سىقىراشقا باشلىدى. شۇڭا، ئۇلار كۆپ باش قاتۇرۇپ ئولتۇرمايلا «خاتىرجەملىك پەقەت مەككىگە قاراپ داۋاملىق قوشۇن چېكىندۈرگەندىلا ھاسىل بولىدىكەن»، دېگەننى تونۇپ يەتتى. لېكىن، ئەبۇ سۇفيانمۇ ئىسلام قوشۇنىغا قارىتا سىياسىي ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى توسىغىلى بولمىغاندىمۇ قانلىق توقۇنۇشقا تەۋەككۈل قىلىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلماقچى بولدى. ئۇلار تېخى رەۋھادىن ئايرىلمىغان ئىدى. ئەرەبلەرنىڭ ئەبدۇلقەيس قەبىلىسىنىڭ بىر سودا كارۋىنى رەۋھاغا كېلىپ چۈشتى. بۇ جاغدا ئەبۇ سۇفيان ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ: «مېنىڭ بىر ئامانىتىمنى مۇھەممەدكە يەتكۈزۈپ قويالامسىلەر، ناۋادا مەككىگە بېرىپ قالساڭلار مەن سىلەرنى قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن تارتۇقلايمەن»، دېدى. ئۇلار ماقۇل بولۇۋىدى، ئەبۇ سۇفيان: «ئۇنداق بولسا، مۇھەممەدكە ئېيتىپ قويۇڭلاركى، بىز كەينىمىزگە يېنىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۈگىتىپ يوقىتىش قارارىغا كەلدۇق»، دېدى-دە، شۇ ھامان قوشۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ مەككىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كارۋان بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئاخىر رەسۇلۇللاھ چۈشكەن ئۆتەڭدىن ئۆتتى ۋە ئۇلارغا ئەبۇ سۇفياننىڭ ئېيتقانلىرىنى يەتكۈزۈپ: «مەككىلىكلەر سىلەرگە قارشى ئادەم توپلاۋېتىپتۇ، ئۇلاردىن ھېزىي بولۇڭلار»، دېيىشتى. بۇ گەپ ئۇلار (مۇسۇلمانلار)نىڭ ئىمانىنى زىيادە قىلدى ۋە: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، (ئۇ ئاللاھ) ئەجەب ياخشى ۋەكىل»، دېيىشتى. نەتىجىدە، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن قايتتى. ئۇلارغا ھېچ يامانلىق يەتمىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئەگەشتى. ئاللاھ كاتتا پەزلى ئىگىسىدۇر.

رەسۇلۇللاھ ھەمرائۇلئەسەدتە ئۈچ كۈن (يەكشەنبە كېلىپ، دۈشەنبە، سەيشەنبە ۋە چارشەنبە، يەنى ھىجىرىيىنىڭ 3- يىلى شەۋۋالنىڭ 9-، 10-، 11- كۈنلىرى) تۇرۇپ، ئاندىن مەدىنىگە قايتتى.

رەسۇلۇللاھ ھەمرائۇلئەسەدتىن قوزغىلىش ئالدىدا شائىر ئەبۇ ئىززەلجۇمەھى (ئالدىنقى يىلى بەدرى ئۇرۇشىدا ئەسىر چۈشۈپ قېلىپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ كەمبەغەللىكى ۋە قىز بالىلىرىنىڭ كۆپلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇندىن كېيىن رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ھېچ كىشىگە ياردەم بەرمەسلىككە ۋە ھەمقام بولماسلىققا ئەھدى ئېلىپ، تۆلەمسىز قويۇۋەتكەنىدى، لېكىن ئۇ ئالدىنقى بابلاردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەھدىسىدە تۇرماي قارا يۈزلۈك قىلىپ، ئۆزىنىڭ شېئرى تالانتى بىلەن مۇشرىكلارنى رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشقا قوزغاشقا تەرغىپ قىلغان ۋە ئۆزى ھەم تولۇق قوراللىنىپ، بۇ قېتىم ئوھۇد ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىققان)نى تۇتۇۋالدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا يالاپ ئېلىپ كېلىنىۋىدى، ئۇ: «ئى مۇھەممەد! مېنىڭ گۇناھىمدىن ئۆتكىن، ماڭا يەنە بىر قېتىم ياخشىلىق قىلغىن، قىزلىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ مېنى قويۇۋەتكىن، مەن ساڭا ئىككىنچى قېتىم قارشى ھەرىكەت قىلماسلىققا ئەھدى بېرەي»، دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: «ياق، ئەمدى سېنىڭ مەككىگە ساق-سالامەت قايتىپ بېرىپ: ‹مۇھەممەدنى ئىككىنچى قېتىممۇ يەنە ئالدىۋەتتىم›، دەپ پىشانەڭنى سىلاپ، كوكۇلاڭنى تاراپ يۈرۈشۈڭگە يول قويۇلمايدۇ، مۇئمىن ئادەم چايان چاققان تۈشۈككە ئىككىنچى قېتىم قول سالمايدۇ»، دېدى. ئاندىن زۇبەيرنى بۇيرىدىمۇ ياكى ئاسىم ئىبنى سابىتنى بۇيرىدىمۇ، بىرىنى بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، نەخ مەيداندا بېشى كېسىپ تاشلاندى. شۇنداقلا مەككە جاسۇسلىرىدىن يەنە بىر جاسۇسقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، دەرھال ئىجرا قىلىندى. بۇ جاسۇس (كېيىنكى دەۋىردىكى ئۇمەۋىييە خەلىپىلىكىنىڭ 3- خەلىپىسى) ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ (ئانا تەرەپ) بوۋىسى مۇئاۋىيە ئىبنى مۇغىيرە ئىبنى ئەبۇلئاس ئىدى.

ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق، ئوھۇد كۈنى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، مۇشرىكلار مەككىگە قاراپ يول ئالغاندا، بۇ مۇئاۋىيە ئۇدۇل مەدىنىگە كىرىپ ۋە بىر نەۋرە ئىنىسى (تاغىسىنىڭ ئوغلى) ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ئۆيىگە چۈشتى. ئوسمان ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھتىن ۋاقىتلىق ئامانلىق ئىقامىتى (ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىجازىتى) بېرىشنى ئۆتۈندى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئۈچ كۈنلۈكلا ئامانلىق ئىقامىتى بېرىپ: «ناۋادا ئۈچ كۈندىن كېيىن چېلىقتۇرۇلسا بېشى ئېلىنىدۇ»، دېگەننى ئۇقتۇرۇپ قويۇپ، ھەمرائۇلئەسەد غازىتىغا چىقىپ كەتتى. نەتىجىدە ئىسلام قوشۇنى مەدىنىدىن ئايرىلىپ مەدىنە ئۇنىڭغا بوشۇغ قالغاندىن كېيىن بۇ جاسۇس مەدىنىدە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ، قۇرەيشلەر ئۈچۈن ماتېرىيال ۋە ئاخبارات توپلاپ، تاكى ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئالدى مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندىلا ئاندىن ئاستاغىنە تىكىۋەتتى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن زەيد ئىبنى ھارىس ۋە ئەممار ئىبنى ياسىرلارنى مۇئاۋىيەنى قوغلاشقا بۇيرىدى. بۇ ئىككىيلەن ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يېتىپ، ئاخىر ئۆلتۈرۈۋېتىپ قايتىپ كەلدى.

مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، ھەمرائۇلئەسەد غازىتى ئايرىم، مۇستەقىل بىر غازات بولماستىن، بەلكى ئوھۇد غازىتىنىڭ بىر قىسمى ۋە تولۇقلىمىسى، بەلكى ئوھۇد غازىتى بابىنىڭ بىر بېتى دېيىشكە بولىدۇ.

خوش… مانا بۇلار ئوھۇد غازىتىنىڭ ئالدىنقى تەييارلىق باسقۇچى ۋە تەپسىلىي جەريانىدۇر. تەتقىقاتچىلار بۇ غازاتنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى. زادى بۇ مەغلۇبىيەتمۇ يا يوق؟ ھەر ھالدا ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا قۇرەيش تەرەپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىدە گەپ يوق. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمانلارنى جەڭ مەيدانىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئۆلۈم-يېتىم ۋە شىكەستىلىك مۇسۇلمانلاردا ئېغىر ھەم پاجىئەلىك بولدى. بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار ھەقىقەتەن شىكەستە يېدى. ئۇرۇش پەللىسىدە مەككە دائىرلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئاساسى جەھەتتىن بېسىپ چۈشتى… لېكىن بۇ يەردە بىزنى: «مۇشرىكلار تامامەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى»، دېيىشتىن توسايدىغان مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك ئاساس بار.

مەككە قوشۇنىنىڭ مۇسۇلمانلار قارارگاھىنى ئىشغال قىلىۋالالمىغانلىقىدا يەنە شەك يوق.

مەدىنە ئارمىيىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى (جەڭ سەپلىرى ئىنتايىن قالايمىقان ۋە چاۋالچاقلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ) قېچىپ جان قۇتقۇزۇش يولىنى تۇتماستىن، بەلكى جان پىدالىق بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئاخىرى قارارگاھقا توپلىنىۋالدى. جەڭ ئەھۋالى مۇسۇلمانلارنى جەڭ مەيدانىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىش دەرىجىسىگە يەتمىدى. (بەلكى رەسۇلۇللاھ تەرەپ بىر تەرەپتىن ئۇرۇشۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن چېكىنىپ تەرتىپلىك ھالدا قارارگاھقا بېرىۋالدى). مۇسۇلمانلار تەرەپتىن بىرمۇ ئادەم دۈشمەن قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالمىدى. مۇشرىكلار تەرەپ مۇسۇلمانلارنىڭ ماللىرىدىن ھېچ نەرسىنى غەنىمەت ئالالمىدى ۋە يەنە ئۇلار مۇسۇلمانلار قارارگاھتا ئۈچىنچى باسقۇچلۇق ھۇجۇمنى قوزغاپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبنى قولغا كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار جەڭ مەيدانىدا (شۇ دەۋىرلەردىكى غالىب كەلگۈچى تەرەپنىڭ ئادىتى بويىچە) ئۈچ-تۆت كۈن تۇرۇپ ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىپ، ئاندىن قايتماستىن بەلكى شىكەستە يىگەن تەرەپ جەڭ مەيدانىدىن ئايرىلىپ بولغۇچە ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ جەڭ مەيدانىدىن ئايرىلىپ بولدى. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئۇلار مەدىنىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنى ھەمدە مال-مۈلۈك ۋە باغ-ۋارانلارنى تالان-تاراج قىلىش ئۈچۈن باستۇرۇپ كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ھالبۇكى، ئۇلار مەدىنىگە بىر قانچە قەدەم ئالسىلا كىرەلەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەدىنە پۈتۈن ھەربىي كۈچ ۋە باشقا توسالغۇلاردىن تامامەن خالى ئىدى. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، قۇرەيش تەرەپ قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتىدە ئىسلام قوشۇنىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش مەقسىتىگە قەتئىي يېتەلمىدى، بەلكى مۇسۇلمانلارغا زور چىقىم ۋە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، خالاس. (مۇسۇلمانلار يولۇققان بۇنداق كۆڭۈلسىز تالاپەتلەرگە جەڭدە غالىب كەلگەن تەرەپ ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ)، دېمەك، مۇشرىكلارنىڭ بۇ قېتىمقى غەلىبىسىنىمۇ غەلىبە ۋە نۇسرەت دېگىلى بولامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

بەلكى تېخى ئەبۇ سۇفياننىڭ ئالدىراپ جىددى قوشۇن چېكىندۈرۈپ يانغانلىقى ئۇنىڭ ئۈچىنچى مەيدان ئۇرۇش پارتلىسا مەغلۇبىيەت ئۆز ئادەملىرىگە يۈزلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بىز يەنە ئەبۇ سۇفياننىڭ ھەمرائۇلئەسەدتىكى پوزىتىسيىسىگە قارايدىغان بولساق، يۇقىرىقى ھۆكۈمىمىزنىڭ توغرىلىقىغا تېخىمۇ زور ئىشەنچ بىلەن جەزم قىلالايمىز.

دېمەك، بۇ غازات (يەنى ئوھۇد غازىتى) كەسكىن بىر تەرەپ قىلىنمىغان ھەر ئىككى تەرەپ نۇسرەت ۋە تالاپەتتىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىپ بارىگاھىنى قارشى تەرەپنىڭ ئىشغال قىلىشىغا تاشلاپ بېرىپ جەڭ مەيدانىدىن قاچماستىن بەلكى ھەر ئىككىلىسى ئۇرۇشتىن يالتىيىپ ئۆزىچە چېكىنگەن بىر قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇش بولغان بولىدۇ. بۇنداق ئۇرۇشنى خۇلاسىسى چىقمىغان ئۇرۇش، دېيىشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

مانا بۇ ھۆكۈمىمىزگە ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتى دەلىل بولالايدۇ: ﴿ولا تھِنواْ في ابْتغاء الْقوْم إن تكونواْ تۆْلمون فإنّھمْ يۆْلمون كما تۆْلمون وترْجون من اللھ ما لا يرْجون وكان اللھ ىلِيما چكيمًا﴾ «دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى (يەنى شېھىت بولۇشىنى، ساۋابنى ۋە غەلىبىنى) ئاللادىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 104- ئايەت) بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ھەر ئىككى تەرەپ يارىلىنىش ۋە دەرد-ئەلەم چېكىشتە بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەھۋالى بىر-بىرىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ۋە ھېچ قايسىسىنى غالىب دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» بۇ ئۇرۇش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

«قۇرئان كەرىم» بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ ھەر قايسى مۇھىم جەڭ نۇقتىلىرىنى باسقۇچلارغا بۆلگەن ھالدا قەدەممۇ-قەدەم تەسۋىرلەپ نازىل بولدى. ئاۋۋەل بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىكى تولدۇرغۇسىز زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارغا نىسبەتەن تەپسىلىي ئىزاھات بەردى. ئاندىن مۇئمىن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇنداق ھەل قىلغۇچ مەيدانلاردا زىممىسىگە يۈكلەنگەن شەرەپلىك ھەم ئېغىر ۋەزىپىسىگە نىسبەتەن بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇممەت (مىللەت) بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقى بولغان بۇ ئۇممەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ئۇلۇغۋار غايە ۋە يۈكسەك ئېسىل پەزىلەتلەرگە زىت بولغان بۇلاردا ساقلىنىۋاتقان ئاجىزلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» يەنە مۇناپىقلارنىڭ بۇ غازاتتا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى ھەمدە مۇناپىقلار ۋە ئۇلارنىڭ يەھۇدىي (سۈيقەست ۋە ھىيلە-مىكىر پىرى) ئۇستازلىرى تارقاتقان پىتنە-ئىغۋا شەك-شۈبھىلەرنىڭ ئايرىم ساندىكى ئىمانى ئاجىزلارنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭىپ كىرىۋاتقان يامان تەسىرىنى تازىلاش بىلەن بىرگە بۇ مۇناپىقلار كۆڭلىدە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە يوشۇرۇن ساقلاپ كەلگەن ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىكلىرىنى پاش قىلدى.

ئاخىردا بۇ ئۇرۇشتىكى ئىلاھىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەلگۈسى نىشانلارغا ئىشارەت بەردى.

بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا سۈرە ئال ئىمراندىن 60 ئايەت نازىل بولغان بولۇپ: ﴿وإۇْ غدوْت منْ ۆھْلك تبوّې الْمۋْمنين مقاىد لِلْقتالِ واللھ سميى ىليم﴾ «(ئى مۇھەممەد‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍‍!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن (ئوھۇدقا) چىقىپ مۆمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇردۇڭ، ئاللا (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 121- ئايەت) دېگەن ئايەت ئارقىلىق ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى خىزمەتلەرنى تىلغا ئېلىش بىلەن باشلاپ، ئاخىرىنى بۇ ئۇرۇشنىڭ كەلگۈسى ئىجابى نەتىجىلىرىنى ۋە ياخشى ئاقىۋەتلىرىنى ناھايىتى مەزمۇنلۇق، ئىخچام سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئىزاھلاپ ئاياغلاشتۇردى. ئاللاھ مۇنداق دېدى: ﴿مّا كان اللھ ليۇر الْمۋْمنين ىلۈ مژۆنتمْ ىليْھ چتّۈ يميز الْخبيڭ من الطّيبِ وما كان اللھ ليطْلىكمْ ىلۈ الْغيْب ولكنّ اللھ يجْتبِي من رّسلھ من يشاء فژمنواْ بِاللھ ورسلھ وإِن تۋْمنواْ وتتّقواْ فلكمْ ۆجْر ىئيمٌ﴾ «ئاللاھ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى) ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغىچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلارچە قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيبدىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ ۋە لېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا (مۇھىەممەد ئەلەيـھىسالامغا مۇناپىقلارنىڭ ھالىنى بىلدۈرگەندەك) غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاللاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە (پەرۋەردىگارىڭلاردىن) قورقساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 179- ئايەت)

ئوھۇد غازىتىدىكى پايدا-مەنپەئەتلەر

بۆلۈم: “ئوھۇد غازىتىدىكى پايدا-مەنپەئەتلەر”

ئىمام ئىبنى قەييۇم بۇ ھەقتە ناھايىتى تەپسىلى، ئىنچىكە توختالدى. ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇ ئۇرۇشنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى شۇكى: بىرىنچى، ئوھۇد غازىتى ۋە ئۇنىڭدىكى مۇسۇلمانلارغا يەتكەن زور تالاپەتلەردىن نۇرغۇنلىغان ياخشى تەربىيە ۋە ئاچچىق ساۋاقلارنى ئېلىشقا بولىدۇ، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇققا بويسۇنماي ھەر كىشى خالىغانچە باشباشتاقلىق بىلەن ئىش كۆرۈشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى تونۇتۇپ قويۇش ئۈچۈندۇر، چۈنكى يۇقارقى ئېغىر مۇسىبەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئوقياچى قىسىمنىڭ رەسۇلۇللاھ بەلگىلىگەن ئورۇننى تاشلاپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش تۇتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان.

ئىككىنچى، پەيغەمبەرلەر ئەنە شۇنداق سىنىلىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا شۇلار غەلىبە قىلىدۇ. بۇنداق سىناشتىن مەقسەت ئەگەر ئۇلار داۋاملىق ئىزچىل تۈردە غالىب كېلىۋەرسە، ئۇلارنىڭ قېتىغا مۇئمىن ئەمەس كىشىلەرمۇ سوقۇنۇپ كىرىۋالىدۇ-دە، سەمىمىي، سادىق، ئاق كۆڭۈل بەندىلەرنى پۇل-مال، نام-شۆھرەت ۋە ھوقۇق-مەنسەپ قۇللىرىدىن ئايرىغىلى بولماي قالىدۇ. ناۋادا داۋاملىق مەغلۇبىيەتكە يولۇقۇپ، شىكەستىلىك كېلىۋەرسە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەۋەتىشتىكى مەقسەت ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ. شۇڭا ئاللاھنىڭ تەدبىر ھېكمىتى سەمىمىي، سادىق بەندىلەرنى ساختا، دىلى كەززاپلاردىن ئايرىش ئۈچۈن غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت ھەر ئىككى ئىشنىڭ ئوتتۇرىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى تەقەززا قىلدى. ئالايلى، مۇناپىقلارنىڭ نىفاق كېسىلى بۇ ۋەقەدىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارغا نامەلۇم ئىدى. بۇ ۋەقە يۈز بېرىۋىدى، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان مەرەزلەر سۆز-ھەرىكىتى ۋە ئەمەلى پوزىتسىيىسى ئارقىلىق دىلىدىكى يوشۇرۇن ئىللەتلەرنى ئاشكارىلىدى ۋە گەپ ئەگىتىپ، ئىككى بىسلىق قىلىپ ئىپادىلەيدىغان زەھەرخەندە سۆزلىرىنى تەپتارتماستىن ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، جار سالىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەتتا تام قوشنىلىرى ئارىسىدا ئۆزلىرىگە چىش-تىرنىقى بىلەن ئۆچمەنلىك قىلىدىغان دۈشمەنلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالدى. مۇسۇلمانلار ئەمدى ئۇلارغا نىسبەتەن ھەر ۋاقىت، ھەر زامان ئېھتىياتچان بولىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ سۈيقەست، ھىيلە-مىكىرلىرىدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ۋە ھۇشيار تۇرىدىغان بولدى.

ئاشۇ ئۇلۇغۋار ھېكمەتلەردىن بىرى شۇكى، يەنە بەزى جەڭ مەيدانلىرىدا غەلىبە-نۇسرەتنى كېچىكتۈرگەندە، كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى سىنىلىدۇ. ئۆز ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ كېتىش خاھىشىنى تۈزەتكىلى بولىدۇ. ئالايلى، بۇ قېتىم مۇئمىن-مۇسۇلمانلار ئېغىر مۇسىبەتكە مۇپتىلا قىلىنىۋىدى، ھەقىقىي مۇئمىنلەر سەبرى قىلدى. مۇناپىقلار ئاللا-توۋا چاقىرىپ، قاتتىق ئالاقىزادە بولۇپ تىكىۋەتتى.

جۈملىدىن يەنە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۇئمىن بەندىلىرى ئۈچۈن راھەت-پاراغەت دىيارى (بولغان جەننەت)دا ئالىي مەرتىۋە ۋە مەنزىللەرنى تەييارلىغانىدى. ئەمما، ئۇ مەرتىۋىلەرگە ئۇلارنىڭ نامە-ئەمەللىرى كەملىك قىلاتتى. شۇڭا، ئاللاھ ئۇلارنى ئاشۇ مەرتىۋىلەرگە لايىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن جاپاسى كۆپ، ساۋابى ئارتۇق ئەمەللەرنى بىجا كەلتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. ئالايلى، شېھىتلىق مەقامى ئەۋلىيا (ئاللاھقا ئەڭ يېقىن دوستلۇق)لىق مەرتىۋىسىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىسى ئىدى. ئاللاھ بۇ مەقامنى ئۇلارغا شۇڭا ئىلتىپات قىلدى.

شۇ ھېكمەتلەردىن يەنە بىرى، ئاللاھ ئۆز دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلدى. شۇڭا، ئۇلارغا ھالاكەتكە سەۋەبچى بولىدىغان كۇفرىلىق، تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئاللاھنىڭ ئەۋلىيا (سەمىمىي، سادىق، دوست) بەندىلىرىگە ئازار-كۈلپەت يەتكۈزۈشتە چېكىدىن ئاشقان ھالدا زۇلۇم قىلىش قاتارلىق يامان ئىشلارنى قىلىشقا مۇسەللەت قىلدى. بۇ ئارقىلىق مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنى گۇناھىدىن پاكلىدى. كافىرلارنى ھالاكەت غارىغا تىقىپ ئاغزىنى پىچەتلىدى، ۋەھاكازالار…

ئوھۇد غازىتى بىلەن ئەھزاب غازىتى ئارىلىقىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر

ئوھۇد غازىتىدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن يامان بولدى. ئۇلارنىڭ رەقىبلەر نەزىرىدىكى غالىب كۈچى ئېتىباردىن ساقىت بولدى ۋە ئەل قەلبىدىكى دەبدەبە-ھەيۋىتى قۇرۇق دەۋاغا ئايلىنىپ قالاي دېدى. ئىچكى-تاشقى قىيىنچىلىقلار كۈنسېرى ئېشىپ باردى. مەدىنە شەھىرى خەۋپ-خەتەر ئىچىدە قالدى. بۇ ۋاقىتقا قەدەر ئۇۋىسىدا جىم ياتقان يەھۇدىي يىلان-چايانلىرى ۋە (ئۇلارنىڭ شايكىلىرى بولغان) مۇناپىقلار ھەتتا بەدەۋى (قاراقچى) ئەرەبلەر ئاشكارا دۈشمەنلىشىش مەيدانىغا ئۆتتى ۋە ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا تېگىش قىلماقچى بولدى. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تېخىمۇ خورىكى ئۆسۈپ، مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنى تەلتۆكۈس يوقاتماقچى ۋە تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتماقچى بولۇشتى.

بۇ ئۇرۇشقا ئىككى ئاي بولماي تۇرۇپ بەنى ئەسەد قەبىلىسى مەدىنىگە ھۇجۇم قوزغاش كويىدا بولدى. ئارقىدىنلا ئەزلى، قارە قاتارلىق قەبىلىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ ھىجىرىيىنىڭ 4- يىلى سەپەر ئېيىدا بىر سۈيقەست پىلانلاپ، ساھابىلەردىن ئون كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە سەۋەب بولدى. مۇشۇ ئاينىڭ ئۆزىدە يەنە بەنۇ ئامىر قەبىلىسى چوڭ بىر سۈيقەستچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بىراقلا 70 ساھابىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ۋەقە تارىختا «بىئرى مەئونە پاجىئەسى» دەپ ئاتالدى. بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرى مۇشۇ جەرياندا ئىزچىل ئاداۋەتلىشىپ ۋە ئۆچەكىشىپ تۇردى. ھەتتا شۇ يىلى رەبىئۇلئەۋۋەلدە رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر سۈيقەست پىلانلىدى. بەنۇ غەپتان قەبىلىسىنىڭ خورىكى ئۆسۈپ، مۇشۇ يىلى (يەنى ھىجىرىيىنىڭ 4-يىلى) جۇمادىيەل ئەۋۋەلدە مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييار بولدى.

قىسقىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەل نەزىرىدىكى غالىب ئورنى ئوھۇد ئۇرۇشىدا قولدىن كەتكەن بولغاچقا، ئۇلار مەدىنىدە ھەر تەرەپتىن خەۋپ-خەتەر ئوقىغا نىشان بولۇپ قالدى.

لېكىن ئۇلۇغ يولباشچىمىز مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن بۇ ۋەزىيەتكە قوللانغان دانا تەدبىرلىرى ۋە يۈرگۈزگەن توغرا سىياسەتلىرى شۇ خەۋپ-خەتەر دولقۇنلىرىنىڭ بەھەيۋەت داۋالغۇشلىرىنى قاينىغان قازانغا سۇ قۇيغاندەكلا پەسەيتمەكتە ۋە مۇسۇلمانلارغا قايتىدىن ئۈستۈنلۈك ۋە غەلىبە نۇسرەت ئاتا قىلماقتا ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەقتە ئالغان تۇنجى قەدىمى ھەمرائۇلئەسەدكە قوزغىغان «قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتى» بولغانىدى. ئۇ بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئىسلام قوشۇنىنىڭ نام-شۆھرىتىنى زور دەرىجىدە قوغداپ قالدى ۋە ئۇلانىڭ سىياسىي ھەيۋىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يەھۇدىيلار ۋە مۇناپىقلارنى ساراسىمىدە قالدۇردى. ئارقىدىنلا بىر قانچە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، مۇسۇلمانلانىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى قايتىدىن تىكلىدى. بەلكى تېخى ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى قۇرلاردىن كۆرۈۋالغايسىز!

ئەبۇ سەلىمە قوشۇنى

ئوھۇد ئۇرۇشى تراگېدىيىسىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلارنىڭ تۇنجىسى ئەسەد ئىبنى خۇزەيمە جەمەتى بولدى. مەدىنە تەرەپ ئىگەللىگەن ئاخباراتتىن قارىغاندا خۇۋەيلىدنىڭ ئىككى ئوغلى تەلھە ۋە سەلىمەلەر ئۆز جەمەتى ئەسەد ئىبنى خۇزەيمەدىن ۋە باشقا جەمەتلەردىن ئادەم تەشكىللەپ، رەسۇلۇللاھقا قارشى ئاتلانغانلىقى مەلۇم بولدى.

شۇڭا، رەسۇلۇللاھ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن بولۇپ 150 كىشىلىك قوشۇن تەشكىللىدى. قوشۇنغا ئەبۇ سەلىمىنى ئەمىر قىلىپ تەيىنلەپ ئۇنىڭغا بىر تۇغ قاداپ بەردى. ئەبۇ سەلىمە قوشۇنى بەنى ئەسەد قەبىلىسى ئۆز تەۋەلىكىدىن قوزغالغۇچە باستۇرۇپ بېرىپ، ھۇجۇم قوزغىدى. بەنى ئەسەد خەلقى تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن بۇ بالايى-ئاپەتتىن ئالاقزادە بولۇپ، تېڭىرقاپ تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتتى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ نۇرغۇن تۆگە، قوي، چارۋىلىرىنى غەنىمەت ئېلىپ، ئامان-ئېسەن مەدىنىگە قايتتى. ئارىدا ئۇرۇش يۈز بەرمىدى. بۇ قوشۇن ھىجىرىيىنىڭ 4- يىلى مۇھەررەمنىڭ ھىلال (يېڭى) ئېيى كۆرۈنگەن كۈنلەردە ئەۋەتىلگەنىدى. قوشۇن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەبۇ سەلىمەنىڭ ئوھۇد ئۇرۇشىدا يارىلانغان جاراھىتى يامانلىشىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتتى.

ئابدۇللاھ ئىبنۇ ئەنىيس يۈرۈشى

مۇشۇ ئاينىڭ (يەنى ھىجىرىيىنىڭ 4- يىلى مۇھەررەم ئاينىڭ) 5- كۈنى خالىد ئىبنۇ سۇفيان ھۇزەلىينىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى قوشۇن توپلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر مەدىنىگە يېتىپ كەلدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەنىيسنى ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە ئەۋەتتى.

ئابدۇللاھ ئىبنۇ ئەنىيس يولغا چىقىپ 18 كۈندىن كېيىن مۇھەررەمنىڭ 23- كۈنى شەنبە مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ، خالىدنى ئۆلتۈرۈپ كاللىسىنى كېسىپ بىرگە ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ خالىدنىڭ بېشىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بىر ھاسا تاياقنى بېرىپ: «بۇ قىيامەت كۈنى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تونۇشۇش بەلگىسى بولسۇن»، دېدى. ئابدۇللاھ بۇ ھاسىنى ساقلاپ يۈرۈپ ئۆمرى ئاخىرلاشقاندا ۋارىسلىرىغا بۇ ھاسىنى جەسىتى بىلەن بىللە دەپنە قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى.

رەجىئ ۋەقەسى

مۇشۇ يىلى (يەنى ھىجىرىيىنىڭ 4- يىلى) سەپەر ئېيىدا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئەرەبلەرنىڭ ئۇزەل ۋە قارە قەبىلىلىرىدىن بولۇپ، بىر تۈركۈم كىشىلەر كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ رەسۇلۇللاھتىن ئۇلارغا دىنى تەلىم بېرىدىغان ۋە قۇرئان ئوقۇشنى ئۈگىتىدىغان ئادەم قوشۇپ قويۇشنى ئۆتۈندى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئالتە نەپەر (ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە ۋە سەھىھۇلبۇخارىدا ئون نەپەر) كىشىنى قوشۇپ قويدى ۋە ئۇلارغا مىرسەد ئىبنى ئەبۇ مىرسەد غەنەۋىنى (ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە ۋە سەھىھۇلبۇخارىدا: ئاسىم ئىبنى سابىت، ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ قىيناتىسى)نى باش ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار مەزكۇر دەۋەت پىدائىيلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، رەجىئ (بۇ ھىجاز تەۋەلىكىدە رابىغ بىلەن جىددە ئارىلىقىدا ھۇزەيل قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ سۇ مەنبىئىنىڭ نامى ئىدى) دېگەن يەرگە بارغاندا بىردىنلا نىيىتىنى بۇزۇپ، ھۇزەيل قەبىلىسىنىڭ بەنى لىھيان ئايمىقىنى بۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن يۈزدەك قوراللىق ئادەم چىقىپ، پىدائىيلارنىڭ ئىزىغا چۈشتى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىز قوغلاپ چېپىپ ئاخىرى يېتىشىۋېلىپ، قورشىۋالدى (پىدائىيلار بۇ چاغدا ئېگىز بىر قىياغا چىقىۋالغانىدى) ۋە ھىيلە ئىشلىتىپ: «ئەگەر تەسلىم بولۇپ، قىردىن چۈشسەڭلار سىلەردىن بىرمۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمەسلىككە ئەھدى-پەيمان بېرىمىز»، دېيىشتى. بۇ چاغدا پىدائىيلار باشلىقى ئاسىم ئىبنۇ سابىت كاپىرلارنىڭ ئەھدىسىگە ئەل بولۇپ قىردىن چۈشمەي قارشىلىق بىلدۈرگەنىدى، ئۇلار قىرنى ئوققا تۇتۇپ، مۇسۇلمانلاردىن يەتتە كىشىنى شېىھت قىلىۋەتتى. پەقەت خۇبەيب، زەيد ئىبنى دەسىنە ۋە يەنە بىر ئادەملا قېپقالدى. دۈشمەنلەر يەنە بىر قېتىم نەيرەڭۋازلىق قىلىپ، ئۇلارغا قاتتىق ئەھدى-پەيمان بەرگەنىدى. بۇ ئۈچ كىشى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چۈشتى. لېكىن بۇ كافىرلار ئۇلارغا بەرگەن ئەھدى-پەيمانلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپلا قاتتىق رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇپ باغلاپ سۆرەپ مېڭىشتى. بۇ چاغدا ھېلىقى ئۈچىنچى كىشى: «مانا بۇ ئەھدىگە تۇرمىغانلىق بولماي نېمە؟» دەپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى. كافىرلار بۇ كىشىلەرنى ئۇرۇپ، دۈشكەللەپ، سۆرەپ مېڭىشقا زورلىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ تەلىۋىگە كۆنمىدى. شۇڭا، ئۇلار بۇ كىشىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، خۇبەيب ۋە زەيد ئىبنى دەسىنەنى ھەيدەپ كەتتى. كېيىن ئۇلارنى مەككىگە ئاپىرىپ قۇللار بازىرىدا ساتتى. بۇ ئىككى ئەزىمەت بەدرى ئۇرۇشىدا مەككىلىكلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىدىن بىر قانچىنى دوزاخقا ئۇزاتقانىدى. شۇڭا، ئۇلار خۇبەيبنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ھەپسىگە ئالدى. ئاندىن خېلى ئۇزاقتىن كېيىن ئۇلار خۇبەيبنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ھەرەمنىڭ ئىچىدىن (ھەرەمنىڭ سىرتىدىكى) تەنئىم دېگەن جايغا يالاپ ئېلىپ چىقتى. جازا مەيدانىدا قۇرەيش دائىرلىرى ئاغزىغا كەلگىنىنى جۆيلۈپ كاپشىغاندىن كېيىن ئۇنى دارغا ئاسماقچى بولۇۋىدى، خۇبەيب: «مېنىڭ پۇت-قولۇمنى بوشىتىۋەتسەڭلار، مەن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋالسام»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇبەيبنى بوشىتىپ قويۇپ، قاراپ تۇرۇشتى. خۇبەيب يەڭگىل قىلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مەن سىلەرنىڭ ‹ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئۇزۇن ئوقۇدى›، دېيىشىڭلاردىن قورقمىسام ئىدىم، ئەلۋەتتە ئۇزۇنراق ئوقۇغان بولاتتىم»، دېدى ۋە: «ئى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سانىنى ئالغىن، ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىك ھەممىسىنى يوقاتقىن، بىرىنىمۇ قالدۇرمىغىن»، دەپ دۇئا قىلدى. ئاندىن تۆۋەندىكى بېيتلارنى ئوقۇدى:

يېغىلدى بارچە دۈشمەنلەر ئەتراپىمغا ھەر ياندىن،

بولۇپ توپ-توپ ئاۋۇل-ئايماق، قەبىلە-قەۋمى ھەم ئاندىن،

تاماشا بولدى ياۋلارگە، يىغىلدى ئەر-ئايال خۇش ھال،

يېقىن بولغان چېغىمدا مەن جازا مەيدانىدا داردىن،

خۇدايىمغا تۇتاي ئەرزىم شىكايەت ياكى بار دەردىم.

بۇدۇر دۈشمەنگە خوي-پەيلى، ئۈزۈلدۈم قارشى ئىمكاندىن،

ئۇلۇغ تەڭرىم ئاتا قىلدى، ماڭا سەبرى-سۇباتلىقنى،

تىنىمنى تىتسىمۇ پارچە، يېلىنماسمەن قورقۇپ ئەجنەبى خاندىن،

ئۇلار تەڭلىدى مەنگە كۇفرى يا ئۆلۈم تەييار،

تىنىم يىغلىدى ياشسىز، جۇغۇلداپ ئۇشبۇ كۇفراندىن،

پەقەت ئىمان بىلەن ئۆلسەم بولدى، يوقكى پەرۋايىم،

شېھىت بولۇپ يىقىلسام سول تەرەپ ياكى ئوڭ ياندىن،

خۇدانىڭ يولىدا ئۆلدۈم، ئەگەر ئۇ خالىسا شەكسىز.

ئورۇن ئالغاي بۇ قىينالغان ۋۇجۇدۇم باغۇ-رىزۋاندىن.

بۇ چاغدا ئەبۇ سۇفيان ئۇنىڭدىن: «ناۋادا بىز مۇھەممەدنى تۇتۇپ كېلىپ سېنىڭ ئورنۇڭدا جازالىساق سەن ئائىلەڭگە قايتىپ ئامان-ئېسەن ياشاشنى خالامسەن؟» دەپ سورىغانىدى. خۇبەيب كەسكىن قىلىپ: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئائىلەمگە ئامان-ئېسەن قايتىپ بېرىش بەدىلىگە مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالام بىر تال تىكەن بىلەن ئازار يېيىشنى خالىمايمەن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇبەيبنى دارغا ئاستى ۋە ئۇنىڭ جەسىتىنى ساقلاشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ مەككىگە قايتىشتى. ئەمرى ئىبنۇ ئۇمەييە زەمەرى كېچىلەپ كېلىپ قاراۋۇللارغا تۇيدۇرماي خۇبەيبنىڭ جەسىتىنى داردىن بوشىتىپ ئېلىپ چىقىپ دەپنە قىلىۋەتتى. خۇبەيبنى ئۆلتۈرۈش ئىشىغا ئاساسلىقى ئۇقبە ئىبنى ھارىس ئىگىدارچىلىق قىلغانىدى. چۈنكى، خۇبەيب ئۇنىڭ ئاتىسى ھارىسىنى بەدرى ئۇرۇشىدا ئولتۈرگەنىدى.

سەھىھ ھەدىستە: «خۇبەيب ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنى تۇنجى بولۇپ سۈننەت قىلىپ قالدۇرغان كىشىدۇر. باشقىلار ئۇنىڭ مەككىدە ئەسىرلىكتە تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە، يېڭى ئۈزۈلگەن ھۆل ئۈزۈمنى يەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ۋەھالەنكى، شۇ كۈنلەردە مەككىدە قۇرۇق خورمىمۇ تېپىلمايتتى»، دېيىلگەن.

ئەمما زەيد ئىبنى دەسىينەنى سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە سېتىۋېلىپ، ئاتىسى ئۇمەييە ئىبنى خەلەفنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈۋەتتى.

قۇرەيش دائىرىلىرى ئاسىم ئىبنى سابىتنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇۋېلىش ئۈچۈن (چۈنكى ئۇ بەدرىدە ئۇلار تەڭداشسىز پەلۋان دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەنىدى) ئۇنىڭ بىرەر ئەزاسىنى كېسىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. شۇئان ئاللاھ ئاسىمنىڭ جەسىتىگە بىر توپ ھاشارەت (سېرىق ھەرە)لەرنى ئەۋەتىپ، قۇرەيش ئەلچىلىرىنى ئاسىمنىڭ جەسىتىگە يېقىن كەلتۈرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرۇق قول قايتىشتى. كافىرلار ئاسىمنى قىردىن چۈشۈشكە ئۈندىگەندە، ئۇ ئاللاھقا ئەھدى بېرىپ، ئۆزىمۇ كافىرلارنىڭ قولىنى تۇتماسلىققا، ئۇنىڭغىمۇ كافىرلارنى يېقىن يولاتماسلىقنى تىلىگەنىدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاسىمنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندا: «ئاللاھ بۇ مۇئمىن بەندىسىنى ھايات ۋاقتىدا مۇھاپىزەت قىلغىنىدەك، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۆز پاناھىدا ساقلاپتۇ»، دېدى.

بىئرى مەئۇنە پاجىئەسى

رەجىئ ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئاينىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭدىن ئېغىر، ئۇنىڭدىن ئېچىنىشلىق يەنە بىر پاجىئە يۈز بەردى. ئۇ تارىختا بىئرى مەئونە پاجىئەسى دەپ ئاتالدى.ۋەقە مۇنداق يۈز بەردى: «شۇ كۈنلەردە يەنە «نەيزىۋازلار پادىشاھى» دېگەن نامى بار ئەبۇ بەررائ (تولۇق ئىسمى ئامىر ئىبنى مالىك، بەنى ئامىر قەبىلىسىدىن) مەدىنىگە كېلىپ، رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش داۋامىدا رەسۇلۇللاھ ئۇنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلغانىدى. ئۇ ھازىرچە مۇسۇلمان بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنى چەتكىمۇ قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئەسھابىلىرىڭنى نەجدە تەرەپكە ئەۋەتكەن بولساڭ، ئۇلار ئەھلى نەجدنى دىنىڭغا دەۋەت قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىدا ئۈمىد بار ئىدى»، دەپ رەسۇلۇللاھقا تەكلىپ بەرگەن كىشى بولدى. رەسۇلۇللاھ: «مەن ئۇلارغا نەجدە ئاھالىسىنىڭ يامانلىق قىلىشىدىن قورقىمەن»، دېۋىدى، ئەبۇ بەررائ: «خاتىرجەم بولغىن، مەن ئۇلارغا باش پاناھ بولىمەن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا 40 (ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە ۋە سەھىھۇلبۇخارىدا يەتمىش) ئادەمنى قېتىپ يولغا سالدى ۋە ئۇلارغا بەنى سائىدە ئايمىقىنىڭ باشلىقى مۇنزىر ئىبنى ئەمرى (ئۆلۈم ئۈچۈن ئازاد قىلىنغان دېگەن نامى بار)نى ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى، پازىل سالىھلىرى ۋە ئەڭ دىيانەتلىك قارى قۇرئانلىرىدىن تەركىپ تاپقانىدى. ئۇلار يولغا چىقىپ كۈندۈزى ئوتۇن تىرىپ سېتىپ، ئەھلى سۇففە نىڭ يېمەكلىكلىرىنى غەملىسە، كېچىسى «قۇرئان كەرىم»نى دەرس مۇزاكىرە قىلىشاتتى ۋە نامازدا قىيام تۇراتتى. ئۇلار شۇ رەۋىشتە يول يۈرۈپ، ئاخىر بىر كۈنى بىئرى مەئۇنە (ئۇ بەنى ئامىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى بىلەن بەنى سۇلەيم ۋادىسى ئارىلىقىدىكى ئۆتەڭ)گە كېلىپ چۈشتى. ئاندىن ئۇلار ھەرام ئىبنى مىلھان (ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ قېرىندىشى)دىن خۇدانىڭ دۈشمىنى ئامىر ئىبنى تۇفەيلگە رەسۇلۇللاھنىڭ مەكتۇبىنى ئەۋەتتى. خۇدانىڭ دۈشمىنى مەلئۇن ئامىر ئىبنى تۇفەيل خەتكە قاراپمۇ قويماي بىر ئادەمنى بۇيرۇپ، ھەرامنىڭ كەينى تەرىپىدىن نەيزە ئۇرغۇزدى. ھەرام كەينىدىن ئۇرۇلغان نەيزىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن قان بىلەن تىشىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر، كەئبىنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، مەن ئارزۇيۇمغا يەتتىم»، دېدىيۇ، سىيىرىلىپ يىقىلدى.

خۇدانىڭ دۈشمىنى ئامىر ھەرام ئىبنى مىلھاننى شېھىت قىلىۋەتكەندىن كېيىن دەرھال چىقىپ، بەنى ئامىر خەلقىنى ھەرامنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا چاقىردى. لېكىن ئۇلار شۇ جەمەتتىن بولغان ئەبۇ بەررائىنىڭ پاناھلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىدى. مەلئۇن ئامىر بۇنىڭ بىلەن توختىماي بەنى سۇلەيمنى جەڭگە (ياردەمگە) چاقىرغانىدى. ئۇلاردىن ئۇسەييە، رەئلى ۋە زەكۋان ئايماقلىرى قوزغىلىپ كېلىپ، دەۋەت ئۆمىكىنى قۇرشىۋالدى ۋە ئۇلارنى ئۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، قاتتىق جەڭ بولدى. مۇسۇلمانلار تەرەپتىن پەقەت كەئەب ئىبنى زەيد ئىبنى نەججاردىن باشقىسى پۈتۈنلەي شېھىت قىلىۋېتىلدى. كەئەب ئۆلۈكلەر ئارىسىدا ھايات قالغان بولۇپ، خېلى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەندىن كېيىن خەندەك ئۇرۇشىدا شېھىت بولۇپ كەتتى.

شۇ كۈنلەردە ئەمر ئىبنى ئۇمەييە ئىبنى زەمرى بىلەن مۇنزىر ئىبنى ئۇقبە ئىبنى ئامىر شۇ ئەتراپتا مۇسۇلمانلارنىڭ پادىلىرىنى بېقىۋاتاتتى. تۇساتتىن ئۇلار بىر توپ يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىپ كېلىپ، بىر جايدىن ئەگىپ كېتەلمەي قالغانلىقىنى كۆردى-دە، مۇنزىر ئەھۋالنى ئۇقۇپ بېقىش ئۈچۈن كېلىپ، مۇشرىكلار بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىپ، ئاخىر شېىھت قىلىۋېتىلدى. ئەمرى ئىبنى ئۇمەييە زەمرى ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. مەلئۇن ئامىر ئەمرى ئىبنى ئۇمەييىنىڭ مۇزەر جەمەتىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنىڭ كوكۇلا چېچىنى قىرقىۋېتىپ، ئانىسى ئۈچۈن ئازاد قىلىپ قويۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەمرى ئىبنۇ ئۇمەييە زەمەرى ئاشۇ 70 قارىينىڭ بىھۇدە بەخىتسىزلىككە يولۇققانلىقىدەك ئېغىر مۇسىبەت خەۋىرىنى ئېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق بىراقلا يوقۇتۇلۇشى مۇسۇلمانلارغا ئوھۇد تىراگېدىيىسىنى قايتا ئەسلەتتى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قايغۇ-ئەلەمگە پاتقۇزدى. چۈنكى ئوھۇد ئۇرۇشىدا بولسا، 70 مۇجاھىد ئاشكارا جەڭ مەيدانىدا باتۇرانە ئېلىشىپ، مەردلەرچە شېھىت بولغانىدى. ئەمما، بۇلار بولسا رەزىللىك ئالدام خالتىسىغا كىرىپ قېلىپ، بىھۇدە كېتىپ قالدى. ئەمرى ئىبنۇ ئۇمەييە قايتىش يولىدا قەرقەرە دېگەن يەردىكى كارىز بېشىغا كېلىپ، بىر دەرەخ تۈۋىدە سايىداپ ئولتۇرۇۋاتاتتى، بەنى كىلاب قەبىلىسىدىن ناتونۇش ئىككى ئادەم كېلىپ، دەرەخ تۈۋىگە چۈشتى. ئۇلار ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئەمرى ئىبنۇ ئۇمەييە «قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدىم»، دەپ ئويلاپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ يېنىپ كەلدى. ئەسلىدە بۇلاردا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلارغا يېزىپ بەرگەن ئامانلىق مەكتۇپنامىسى بار ئىكەن. ئەمرى بۇنى ئۇقمىغانىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، يولدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئېيتىپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنى مېنى تۆلەم تۆلىسۇن دەپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپسەن»، دېدى ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ تۆلىمى ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن ۋە ئىتتىپاقداش يەھۇدىيلاردىن مەبلەغ توپلاشقا كىرىشىپ كەتتى. دەل مۇشۇ ئىش بەنى نەزىر غازىتىنى قوزغاشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ تەپسىلاتى كېيىنكى بابلاردا بايان قىلىنىدۇ.

رەسۇلۇللاھ مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن رەجىئ ۋە بىئرى مەلئۇنە پاجىئەلىرى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇردى ۋە ئېغىر ئازاب تارتتى . ھەتتا بىر قانچە كۈن ئىچ پۇشۇقىنى باسالماي، ئۆز ئەسھابىلىرىگە سۈيقەست قىلغان ۋە ئالداپ يوقاتقان ئاشۇ قەبىلە ۋە ئايماقلارغا دۇئايى بەد قىلدى. سەھىھۇلبۇخارىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىپ: «رەسۇلۇللاھ بىئرى مەلئۇنىدە ئۆز ئەسھابىلىرىغا سۈيقەست قىلغان رەئىل، زەكۋان، لىھيان ۋە ئۇسەييە ئايماق جەمەتلىرىگە ھەر كۈنى بامدات نامىزىدا 30 كۈندەك دۇئايى قۇنۇت (دۇئايى بەد) ئوقۇدى. ئۇ دۇئاسىدا: ‹ئى ئاللاھ! ئۇسەييە جەمەتى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلدى›، دەيتتى»، دېيىلگەن. شۇ ئارىدا ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە ئايەت نازىل قىلدى. بىز ئۇنى تىلاۋەت قىلدۇق. خېلىدىن كېيىن بۇ ئايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ﴿إن بلّغوا قومنا انا لقينا ربنا فرگۈ ىنّا و رگينا ىنھ﴾ «خەلقىمىزگە يەتكۈزۈپ قويۇڭلاركى، بىز پەرۋەردىگارىمىزغا مۇلاقات بولدۇق، ئاللاھ بىزدىن رازى بولدى، بىزمۇ ئاللاھتىن رازى بولدۇق». بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ بامدات نامىزىدا «قۇنۇت» (دۇئايى بەد) ئوقۇشنى تەرك ئەتتى.

بەنى نەزىر غازىتى — يەھۇدىيلارغا بېرىلگەن قاقشاتقۇچ زەربە

ئالدىنقى بابلاردا بىز يەھۇدىيلار ئىسلام دىنىنىڭ مەدىنە تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقانلىقىغا ۋە مۇھاجىر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يەردە يەرلىشىپ قالغانلىقىغا قاتتىق ئاچچىق ساقلاۋاتاتتى ۋە ھەسەت ئوتىدا پۇچۇلىنىۋاتاتتى، دېگەنىدۇق. ئەمما، ئۇلار مۇسۇلمانلارغا شۇنچە ئۆچ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا مۇسۇلمانلار بىلەن قارشىلاشقۇدەك يۈرەك ۋە جاسارەتنىڭ يوقلۇقى، ئۇلارنىڭ پەقەت يەرنىڭ تېگىدىن ئىس قويۇش، سۈيقەستچىلىك، ئالدامچىلىق ۋە ئىغۋاگەرچىلىكنى ئوخشىتالايدىغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ۋە ئەھدى-پەيمانلارغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئاستىرتتىن زىيان سېلىش ۋە سۈيقەست پىلانلاش ئۈچۈن ھەرخىل ھىيلە-نەيرەڭلەرنى ئوينىتىپ، پۇرسەت تاپسىلا دىللىرىدىكى يوشۇرۇن ئاداۋەت زەھەرلىرىنى چېچىشقا ئۇرۇناتتى ۋە بۇ ئارقىلىق كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزاتتى. بولۇپمۇ ئۇلار بەنى قەينۇقا ۋەقەسىدىن كېيىن ۋە ئۇلارنىڭ ئوت قۇيرۇقى كاتتىۋېشى كەئەب ئىبنى ئەشرەپنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن ئۆز ھورىغا جىمىقىپ، سىڭگەن نېنىنى يەپ، تىنچلىق يولىنى تۇتقانىدى. لېكىن ئوھۇد ئۇرۇشى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇلار بىردىنلا خورىكى ئۆسۈپ، ئوچۇقتىن-ئوچۇق مۇسۇلمانلار بىلەن ئۆچەكىشىشكە باشلىدى. مۇناپىقلار ۋە مەككىلىك مۇشرىكلار بىلەن مەخپىي ئالاقىلىشىپ، ئېغىز-بۇرۇن يالاشتى. مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئەكسىيەتچىل ھەرىكەتلەرنى تېزلەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارىتا قاتتىق ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، سەبىر قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار رەجىئە ۋە بىئرى مەئۇنە پاجىئەلىرىدىن كېيىن تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، يۈرەكلىرىنى قاپتەك قىلىپ مەيدانغا چىقتى. ئاخىر ئۆز پۇتىغا ئۆزلىرى پالتا سېلىپ، رەسۇلۇللاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۈيقەستىنى پىلانلىدى.

ئۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق بولدى: ھېلىقى بەنى كىلاب قەبىلسىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ئىككى كىشىنىڭ تۆلىمى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ بىر قانچە ساھابىسى بىلەن بەنى نەزىر قەبىلىسىگە ئىئانە توپلاشقا چىقتى. بۇ تۆلەم مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ روھى بويىچە ئۇلارغىمۇ يۈكلىنەتتى.

ئۇلارغا بۇ ھەقتە گەپ قىلدى. ئۇلار بىردەك: «بولىدۇ، ئى ئەبۇلقاسىم! بىز سەن دېگەندەك قىلىمىز، سەن مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرغىن، بىز بېرىپ يېتەرلىك مەبلەغ يىغىپ كېلەيلى»، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ، بىر يەھۇدىينىڭ تېمىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئەلى ۋە ئۇلاردىن باشقا بىر تۈركۈم ساھابىلەر بىرگە چىققانىدى، ئۇلارمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا بېرىپ ئولتۇرۇشتى. يەھۇدىيلار رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، ئۆزئارا پىچىرلاشتى. قىسقىسى، شەيتان ئۇلارغا پىشانىسىگە پۈتۈلگەن شەقاۋەتلىك قىسمەتنى لەززەتلىك كۆرسەتتى چېغى، ئاخىر ئۇلار رەسۇلۇللاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۈيقەستىنى پىلانلاشتى. ئۇلار ئۆزئارا پىچىرلىشىپ: «قايسىڭلار بۇ تاشنى (خېلى يېقىندىكى بىر ياغۇنچاقنىڭ پارچە تېشىنى كۆرسىتىپ) ئېلىپ، ئۆگزىگە چىقىپ، ئۇنىڭ بېشىغىلا تاشلاپ، ئۇنىڭ بوينىنى سۇندۇرىدۇ»، دېيىشكەنىدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ شەقىي بەدبېخى بولغان ئەمرى ئىبنى جەھھاش: «مەن قىلاي»، دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ چاغدا ئۇلارغا سالام ئىبنى مۇشكەم (يەھۇدىيلارنىڭ بىرى): «ئۇنداق قىلمايلى، ئاللاھ بىلەن قەسەم، بۇ ئىش ھامان پاش بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىلغىنىمىز مۇھەممەد بىلەن ئوتتۇرىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنى بۇزغانلىق»، دېگەنىدى. ئۇلار سالام ئىبنۇ مۇشكەمنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇشتى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئىش پاش بولۇپ قالدى. جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ۋەھىي ئېلىپ كېلىپ، رەسۇلۇللاھقا ئۇلارنىڭ سۈيقەستىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ھېچنېمىگە قارىماي مەدىنە تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. ساھابىلار ئۇنىڭ كەينىدىن يېتىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! سەن بۇ يەرگە كېلىپ بولۇپسەن، بىز سنېىڭ ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنىمۇ تۇيماي قاپتۇق»، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا يەھۇدىيلارنىڭ سۈيقەست پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى. رەسۇلۇللاھ شۇ ھامان ئۇلارغا مۇھەممەد ئىبنۇ مەسلەمەنى ئەۋەتىپ: «بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرى ئون كۈن ئىچىدە مەدىنىدىن چىقىپ كەتسۇن، سەنلەرنىڭ بۇ جايدا ئولتۇراقلىشىشىڭلارغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، ئون كۈندىن كېيىن ئۇچرىتىلغانلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ»، دەپ ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى. يەھۇدىيلارمۇ چىقىپ كەتمەكتىن باشقا ئامال تاپالماي، بىر نەچچە كۈن كۆچۈش تەييارلىقىنى قىلىپ تۇرغاندا مۇناپىقلارنىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئىبنۇ ئۇبەي ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: «چىڭ تۇرۇڭلار، سىلەر چوقۇم قوللاشقا ئېرىشىسىلەر، يۇرت-ماكانىڭلاردىن چىقىپ كەتمەڭلار، مېنىڭ قول ئاستىمدا 2000 يىگىتىم بار، ئۇلار سىلەر بىلەن قورغانغا تەڭ كىرىپ، ھايات-ماماتتا بىللە بولىدۇ، سىلەر يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىپ تاشلانساڭلار، بىزمۇ بىرگە چىقىپ كېتىمىز، سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا باشقىلارغا ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم ياردەم بېرىمىز، بەنى قۇرەيزە ۋە ئىتتىپاقداشلاردىن غەتفان قەبىلىسى ۋە بەدەۋىلەر سىلەرنى قوللايدۇ»، دەپ ئۇلارغا يەل بېرىپ قويدى. بۇنى ئاڭلاپ يەھۇدىيلارنىڭ ئىشەنچىسى ئېشىپ، ئاللىقاچان سۇنغان ئىرادىسىگە جان كىرىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار، جان تىكىپ ئېلىشىش قارارىغا كېلىشتى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ھۇيەي ئىبنۇ ئەختەپ ئابدۇللاھ ئىبنۇ ئۇبەينىڭ قۇتراتقۇلىقىغا ئىشىنىپ كېتىپ، رەسۇلۇللاھقا ئوچۇقتىن ئوچۇق: «بىز يۇرت-ماكانلىرىمىزنى ساڭا تاشلاپ چىقىپ كەتمەيمىز، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىلغىن، بىز تەييار»، دەپ خەۋەر كىرگۈزدى.

شەك-شۈبھىسىزكى، ھازىرقى ۋەزىيەت مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن تولىمۇ جىددىي ھەم خەۋپلىك ئىدى. چۈنكى ئۇلارغا ئۆز تارىخىدىكى بۇنداق ھەر تەرەپتىن خەۋپ-خەتەرنىڭ سېسىق ھىدى پۇراپ كېلىۋاتقان جىددىي پەيتتە ئۆز رەقىبلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشى ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرمەيدىغاندەك قىلاتتى. چۈنكى، پۈتۈن ئەرەبلەر بىر تام بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دەۋەت پىدائىيلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەممىگە ئايان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرى ھەربىي كۈچ جەھەتتە خېلى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنى تەسلىم قىلىش ئېھتىمالدىن خېلى يىراق ئىدى. قىسقىسى ئۇلارغا ئۇرۇش ئوتى ئېچىش نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرەتتى. لېكىن بىئرى مەلئۇنە پاجىئەسى ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن كوللىكتىپ (رەجئ ۋەقەسىگە ئوخشاش) ۋە شەخس (رەسۇلۇللاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغىنىغا ئوخشاش)لەرگە قارىتىلغان تېرورلۇق ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھادىسىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلارغا قارىتا قاراپ تۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. قىسقىسى ھازىرقى ۋەزىيەت جىنىايەتچى ئۇنسۇرلاردىن ئىنتىقام ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتاتتى. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرى رەسۇلۇللاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانىكەن، ئۇلار بىلەن تىغمۇتىغ ئېلىشىپ، ئۆز پەيغەمبىرىگە سۈيقەست قىلىش نىيىتىدە بولغانلارنىڭ ئەدەب-جازاسىنى بېرىش قارارىغا كەلدى.

رەسۇلۇللاھ ھۇيەي ئىبنى ئەختەبنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر»، دېدى. مۇسۇلمانلارمۇ: «ئاللاھۇ ئەكبەر»، دەپ توۋلاشتى. ئاندىن ئۇلار بىلەن نەخ مەيداندا ئېلىشىپ، ئاشكارا بىر تەرەپ بولۇش ئۈچۈن ئاتلاندى ۋە ئۆز ئورنىدا مەدىنىدە ئابدۇللاھ ئىبنۇ ئۇممۇ مەكتۇمنى قالدۇردى. ئەلەمنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا تۇتقۇزدى. ئاندىن يولغا چىقىپ، بەنى نەزىر مەھەللىسىگە يېتىپ بېرىپلا ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋەتتى. بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرى ئاشكارا ئېلىشىشتىن قورقۇپ، قەلئە ۋە قورغانلىرىغا چىقىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارغا ئوق ۋە تاشلارنى ئېتىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى. قەلئە ئەتراپىغا جايلاشقان خورمىزارلىق ۋە ئۈزۈمزارلىقلار ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قولايلىق شارائىت-يارىتىپ بەرگەن بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ بۇ خورما ۋە ئۈزۈم تاللىرىنى كېسىپ تاشلاشقا بۇيرىدى. بۇ ھەقتە ھەسسان ئىبنۇ سابىت مۇنداق بىر شېئىر ئوقۇغانىدى:

ئېلىپ كەلدى ئەجەب ھەيۋەت، بەنى لۇئەيگە خارلىقنى،

كۆيۈش-كۆيدۈرۈش دەھشەت، بۇۋەيرە خورمىزارلىقىنى،

ئاللاھ بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿ما قطىْتم مِن لينە ۆوْ تركُْموھا قاېمە ىلۈ ۆپولھا فبإۇْن اللھ وليخْزِي الْفاسقين﴾ «(ئى مۇسۇلمانلار!) سىلەر مەيلى (بەنى نەزىرنىڭ) خورمىلىرىنى كېسىڭلار، مەيلى ئۇنى بۇرۇنقى پېتى ئۆرە قالدۇرۇڭلار، ھەممىسىگە ئاللاھ رۇخسەت قىلىدۇ، (اللەنىڭ رۇخسەت قىلىشى) ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلارنى (يەنى يەھۇدىيلارنى) رەسۋا قىلىش ئۈچۈندۇر» («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەشىر 5- ئايەت).

بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىمۇ ئۆزىنى چەتكە ئالدى. مۇناپىق، خائىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيمۇ ۋە غەتفانلىق ئىتتىپاقداشلىرىمۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى. قىسقىسى، ھېچكىشى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ياكى يامانلىقتىن مۇداپىئە قىلىشقا پېتىنالمىدى. شۇڭا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى شەيتان بىلەن ئازغۇن ئىنساننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار يەھۇدىيلارنى ئۇرۇشقا قىزىقتۇرۇشتا) شەيتانغا ئوخشايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئىنسانغا: ‹كافىر بولغىن› دېدى. ئىنسان كافىر بولغان چاغدا، شەيتان: ‹مەن سەندىن ئادا-جۇدامەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن› دېدى». («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەشىر 16- ئايەت)

مۇھاسىرە ئۇزۇنغا سوزۇلمايلا (پەقەت ئالتە كۈن داۋام قىلغان، يەنە بىر رىۋايەتتە 15 كۈن داۋاملاشقان دېيىلگەن) ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ تاشلىغان چېغى، ئۇلار ئۆزىچىلا بوشىشىپ، قورال تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا تەييار بولدى ۋە رەسۇلۇللاھقا ئەلچى ئەۋەتىپ: «بىز مەدىنىدىن كۆچۈپ كېتىمىز، ئۇرۇشنى توختاتساڭ»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئۆزىنى ۋە خوتۇن-بالا-چاقىلىرىنى (قۇرال-ياراقلىرىدىن باشقا) ۋە تۆگىگە قاچىلىغىلى بولىدىغان نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش شەرتى بىلەن سېپىل دەرۋازىسىنى بوشىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ شەرتىگە كۆنۈپ قەلئەدىن چۈشتى ۋە كېشەك ۋە دېرىزە جاھازلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتمەك ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېقىپ، بۇزۇشقا باشلىدى. ھەتتا بەزىلىرى ئۆيلىرىنىڭ سىنجىي-بالالىرىغىچە كۆتۈرۈۋېلىشتى. ئاندىن خوتۇن-بالا-چاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ، 600 تۆگىگە نەرسە كېرەكلىرىنى ئارتىپ مەدىنىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى، بولۇپمۇ ھۇيەي ئىبنۇ ئەختەپ ۋە سەلام ئىبنۇ مىشكەم قاتارلىق كاتتىۋاشلىرى خەيبەرگە كۆچتى. بىر بۆلۈكلىرى شام (ھازىرقى سۈرىيە)گە قاراپ يول ئالدى. ئۇلاردىن پەقەت ئىككىلا كىشى (يامىن ئىبنۇ ئەمرى ۋە ئەبۇ سەئەد ئىبنۇ ۋەھەب)لا مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، ماللىرىنى ئۆز جايىدا ساقلاپ قالدى.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ بارلىق قورال-ياراغلىرىنى يىغىۋالدى ۋە مال-مۈلۈك، ئۆي-ئىمارەتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. نەتىجىدە ھەربىي ئەسلىھە قاتارىدا 50 دانە ساۋۇت، 50 دانە مىس قالپىقى ۋە 340 دانە نەيزە-قىلىچ قولغا چۈشتى.

بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىدىن تارتىۋېلىنغان ماللار، يەر-زېمىن، ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى مەخسۇس رەسۇلۇللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆزى خالاپ، ئىختىيارى ھالدا تەسەررۇپ قىلسا بولاتتى. ئۇ ماللاردىن بەشتىن بىرىنى ئايرىش كەتمىدى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۇ ماللارنى رەسۇلۇللاھقا مېھنەتسىز ئاتا قىلغانىدى، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئات چاپتۇرۇش ۋە نەيزە سوقۇشتۇرۇشى ھاجەت بولمىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئۇ ماللارنى مەدىنىگە ئەڭ بۇرۇن كۆچۈپ كەلگەن مۇھاجىرلارغا مەخسۇس بۆلۈپ بەردى. پەقەت ئەنسارلاردىن ئىككىلا كىشى – ئەبۇ دۇجانە ۋە سەھىل ئىبنۇ ھۇنەيفىلارنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا بۇلارغىمۇ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام بەنى نەزىر ماللىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات كىرىمىدىن ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن بىر يىل يەتكۈدەك مىقدارنى ئايرىۋالغاندىن كېيىن قالغان قىسمىنى خۇدا يولىدا جىھاد تەييارلىقى ئۈچۈن قورال-ياراغ ۋە ئات-ئۇلاغ چىقىمىغا ئىشلەتتى.

بەنى نەزىر غازىتى ھىجىرىيىنىڭ 4- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل (4- ئاي)دە (مىلادىيە 626- يىلى ئاۋغۇستتا) ئېلىپ بېرىلدى. ئاللاھ بۇ غازات ھەققىدە سۈرە ھەشىرنى باشتىن ئاخىر نازىل قىلدى. بۇ سۈرىدە يەھۇدىيلارنىڭ مەدىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىق ۋەقەسى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەندى. مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنى رەسۋايى جاھان قىلدى. غەنىمەت ۋە ئولجىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورناتتى. مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ جاسارەت ۋە شىجائىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. ھەمدە ئۇرۇش تاكتىكىسى ئۈچۈن دۈشمەن زېمىنىدا ئوت قويۇش ۋە كېسىپ تاشلاش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇنداق قىلىشنىڭ زېمىندا پاسادچىلىق قىلىش (قىرغىنچىلىق)قا ياتمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئاخىردا مۇئمىن-مۇسۇلمانلارغا تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتۇش ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ سۆزىنى ئۆزسىگە مەدھىيە ئوقۇش ۋە گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بايان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

شۇڭا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈرە ھەشىرنى «سۈرە بەنى نەزىر»، دەپ ئاتايتتى.

نەجدى غازىتى

مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قېتىمقى (بەنى نەزىر) غازىتىدا ئارتۇقچە بەدەل تۆلىمەيلا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەدىنە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سىياسىي ئورنى قايتا تىكلەندى، مۇناپىقلار ئاشكارا گەپ يورغىلىتىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك جىنايى ھەرىكەتلىرىدىن ۋاقتىنچە توختىدى. ئوھۇد ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەتتە بولغان، ھەتتا ئىسلام دەۋىتى پىدائىيلىرىغا رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنى ۋەھشىيلەرچە قەستلەپ ئۆلتۈرگەن، بەلكى تېخى يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ، مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش خام-خىيالىدا بولغان ئاشۇ بەدەۋى قاراقچى ئەرەب ئوغرىلىرىنىڭ ئەدىبىنى بېرىش پۇرسىتى ئەمدى پىشىپ يېتىلگەنىدى.

رەسۇلۇللاھ ئاشۇ قارا يۈز ئالدامچىلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىشكە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا غەتفان قەبىلىسىنىڭ بەنى مۇھارىپ ۋە بەنى سۆئلەبە ئايماقلىرىدىن، بىر توپ قاراقچى بەدەۋىلەر توپلىنىپ، مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش كويىدا بولۇۋاتقانلىق خەۋىرى ئاڭلاندى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، بۇ قارا قورساق تومپاي سەھرالىقلارنىڭ يولسىز قىلمىشلىرىنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن نەجدى سەھراسىنى ئارىلاپ ئات چاپتۇرۇپ، تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىلىغا قورقۇنچ ئۇرۇغىنى تېرىپ قويۇپ كەلمەكچى بولدى.

«تاغدا يولۋاس بولمىسا، مايمۇن پادىشاھ»، دېگەندەك قاراقچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق كەسپىگە ئادەتلىنىپ كەتكەن بۇ ياۋايىلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ كىشنىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپلا، قورقۇپ يۈرىكى قېپىدىن چىقتى. تاغ قىرلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلارغا مۆكۈنۈپ پاناھلىنىۋالدى. بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار مەدىنىگە پاراكەندىچىلىك سېلىش ئېھتىمالى بولغان ئاشۇ قەبىلىلەرگە تەنبىھ بەردى ۋە ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ۋەھىمە خۇرۇچلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئەكسىيەتچىلىكنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەندىن كېيىن ئامان-ئېسەن مەدىنىگە قايتىپ كەلدى.

تەرجىمىھال ۋە تارىخشۇناسلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرىيىنىڭ 4- يىلى رەبىئۇسسانى (4- ئاي) ياكى جۇمادىيەلئەۋۋەل (5- ئاي)دە مۇشۇ مەقسەت (يەنى قاراقچى، بولاڭچى بەدەۋىيلەرنىڭ ئەدىبىنى بېرىش مەقسىتى)تە نەجدە تەرەپتە ئېلىپ بارغان يەنە بىر غازاتنى تىلغا ئالىدۇ ۋە بۇ غازاتنى «زاتۇررىقا غازىتى» دەپ ئاتىشىدۇ. دۇرۇس، مۇشۇ مەزگىلدە مەلۇم بىر غازاتنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىق. بۇنىڭدا شەك-شۈبھى يوق. بۇنى مەدىنىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن تەقەززا قىلاتتى. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ئوھۇد ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا ئەبۇ سۇفيان بىلەن بەدرىدە ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشكەن ۋاقىت يېقىنلاپ قالغانىدى. بۇنداق ئەھۋالدا مەدىنە ئەتراپى رايونلىرىدىكى بەدەۋى قاراقچىلارنى خورىكى ئۆسۈك، پاراكەندىچىلىك سېلىش ئېھتىماللىقى ئېغىر ھالەتتە قويۇۋېتىپ، مەدىنىنى ئادەمسىز تاشلاپ قويۇپ مۇشۇنداق چوڭ ئۇرۇشقا چىقىپ كېتىش ئۇرۇش دەۋرى ھەربىي ئىستىراتىگىيىسىگە قەتئىي ئۇيغۇن كەلمەيتتى. بەلكى تېخى بەدرى سەھنىسىدە ئىلگىرىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىن تېخىمۇ زور، تېخىمۇ دەھشەت ئۇرۇش بولۇش ئېھتىمالى بولغان بۇنداق چوڭ ھەربىي يۈرۈشكە ئاتلىنىش ئالدىدا ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى، ئەلۋەتتە.

ئەمما، رەسۇلۇللاھ ھىجىرىيىنىڭ 4- يىلى رەبىئۇسسانى(4- ئاي) ياكى جۇمادىيەلئەۋۋەل (5-ئاي)دە قوزغىغان غازاتنىڭ «زاتۇررىقا» غازىتى بولۇشى ناتايىن، چۈنكى زاتوررىقا غازىتىغا ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىلەرمۇ قاتناشقان. ۋەھالەنكى، ئەبۇ ھۇرەيرە خەيبەر غازىتىدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان. شۇنىڭدەك ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىمۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن تۇنجى قېتىم خەيبەردە ئۇچراشقان. ئۇنداقتا «زاتوررىقا» غازىتى خەيبەر غازىتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بولىدۇ ۋە يەنە «زاتوررىقا» غازىتىنى ھىجىرىيىنىڭ 4- يىلىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا بىردىنبىر دەلىل رەسۇلۇللاھ بۇ غازاتتا نامازنى سالاتۇلخەۋپ (ھەربىي ھالەت نامىزى) تەرىقىسىدە ئوقۇغان. ھالبۇكى نامازنى سالاتۇلخەۋپ تەرىقىسىدە ئوقۇش تۇنجى بولۇپ، «ئۇسپان» غازىتىدا يولغا قويۇلغان. ئۇسپان غازىتى خەندەك غازىتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان. ھەممىگە مەلۇمكى، خەندەك غازىتى ھىجىرىيىنىڭ 5- يىلى يىل ئاخىرىدا بولغان.

ئىككىنچى قېتىملىق بەدرى غازىتى

مۇسۇلمانلار ئەتراپتىكى قاراقچى ۋە بۇلاڭچى بەدەۋى باندىتلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش ھەرىكەتلىرىنى چەكلىگەندىن كېيىن چوڭ دۈشمىنى بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. يېڭى يىل كىرىپ، قۇرەيش تەرەپ بىلەن (ئالدىنقى يىلى ئوھۇد غازىتىدا) پۈتۈشكەن مۇددەت كۈنسايىن يېقىنلاپ كەلگەنىدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا كېلىشىمگە ئاساسەن ئەبۇ سۇفياننىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇرۇش چاقمىقىنى قايتا ياندۇرۇپ، ئىككى تەرەپتىن يولى ئەڭ توغرا، ھايات سەھنىسىدە باقىي تۇرۇشقا ئەڭ لايىق بىرسىگە رەھبەرلىك ھوقۇقى ئۆتكەنگە قەدەر بىر ئىزدا قانائەتلىنىپ توختاپ قالماسلىق تولىمۇ ھەقلىق بولۇپ قالغانىدى.

شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ھىجىرىيىنىڭ 4- يىلى شەئبان ئېيىدا (مىلادىيە 626- يىلى يانۋار) دا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن 1500 كىشىلىك قوشۇن بىلەن بەدرىگە قاراپ يول ئالدى. قوشۇندا پەقەت ئون دانە ئاتلىق بار ئىدى. ئەلەمنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب كۆتۈردى ۋە ئۆز ئورنىدا مەدىنىدە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەنى قالدۇردى. رەسۇلۇللاھ قوشۇننى باشلاپ، بەدرىگە يېتىپ بېرىپ، مۇشرىكلارنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ ساقلاپ تۇردى.

ئەمما، ئەبۇ سۇفيان مەككە مۇشرىكلىرىدىن ئىككى مىڭ ئەسكەرنى ئەگەشتۈرۈپ (ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50 ئاتلىق بار ئىدى) چىقىپ، مەككىدىن بىر كۈنلۈك يىراقلىقتىكى «مەررىزەھران»دا مەجىننە دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۇ بويىغا چۈشتى.

ئەبۇ سۇفيان مەككىدىن يولغا چىققاندىن بېرى، «مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشساق ئاقىۋەت قانداق بولار؟» دېگەن ھەقتە ئويلىنىپ، گويا جازا مەيدانىغا يالاپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئەسىردەك ئۇنىڭ تېنىنى قورقۇنچ بېسىپ، بىر خىللا ۋەھىمە بىلەن جۇغۇلداپ تىترەيتتى. ئۇ مەررىزەھرانغا چۈشكەندىن كېيىن تېخىمۇ سۈر بېسىپ، كەيپىياتى يامانلاشتى ۋە ئىرادىسى بوشاپ، بىر ئامال قىلىپ، قايتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىدى. شۇڭا، ئۇ ئادەملىرىگە: «ئى قۇرەيش جامائەسى! ئۇرۇش دېگەننى مەمۇرچىلىق ۋە مولچىلىق يىللاردا قىلىدىغان ئىش ئىدى. ئۇ چاغدا ئات-تۆگىلەرنى يايلىتىپ، سۈت-قايماقلانى ئىچىپ، روھلۇق جەڭ قىلغىلى بولاتتى. بۇ يىل بىز بىلەن قېرىشقاندەك قەھەتچىلىك-قۇرغاقچىلىق يىل بولۇپ قالدى. مەن مۇشۇ يەردىن قايتساقمىكىن دەيمەن»، دېدى.

ئەھۋالدىن قارىغاندا قوشۇن ئەزالىرىنىمۇ قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە ئەسىر قىلىپ بولغاندەك قىلاتتى. چۈنكى، ئەبۇ سۇفياننىڭ ھېلىقى نۇتىقى بارلىق مۇشرىكلارغا گويا «قېرى كالىغا پىچاق خۇش ياققاندەك» يېقىپ كەتتى. ئۇلار ئەبۇ سۇفياننىڭ ئاشۇ پىكىرى بىلەنلا قايتىپ مېڭىشتى. ھېچقانداق قارشى سادا ياكى ئۇرۇشۇش قىزغىنلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.

ئەمما، مۇسۇلمانلار تەرەپ بەدرىدە سەككىز كۈن تۇرۇپ، دۈشمەننىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتتى. شۇ جەرياندا تىجارەت ئۈچۈن بىرگە ئېلىۋالغان ماللىرىنى سېتىپ، كۆپ پايدا ئالدى. (ئۇلار بىر دەرھەملىك مالنى ئاز بولغاندا ئىككى دەرھەمگە ساتقانىدى) ئاندىن مەدىنىگە قايتتى. ئۇلار بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئارقىلىق، ئەھۋال سېزىلگەن ھامان ھەرىكەتكە ئۆتۈش، باش كۆتۈرگەن ھامان مۇشت ئېتىشتەك سىياسىي ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈۋالدى. كىشىلەر قەلبىدىكى شان-شەۋكىتى مەزمۇت بېكىدى ۋە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشتا مۇداپىئەدە تۇرۇشتىن مۇھاسىرىگە ئۆتۈش دەرىجىسىگە تەرەققىي قىلدى.

بۇ غازات تارىختا «بەدرى كېلىشىمى غازىتى» ياكى «ئىككىنچى بەدرى غازىتى» ۋە «بەدرى كىچىك غازىتى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالدى.

دۇمەتۇلجەندەل غازىتى

رەسۇلۇللاھ بەدرىدىن قايتىپ كەلدى. بۇ چاغدا مەدىنە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلىرىدا تىنچلىق، مۇقىملىق ئومۇملىشىپ، ياخشى بىر ئىجتىمائىي كەيپىيات بارلىققا كەلگەنىدى. پۈتۈن تەۋەلىك خاتىرجەم ئىدى. بۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھقا ئەرەب زېمىنى چېگراسىنىڭ ئەڭ يىراق چەت جايلىرىغىچە قوشۇن تارتىپ بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىپ، ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت شارائىت بەرپا قىلىش ۋە بۇنى يىراق-يېقىن دوست-دۈشمەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا ئوبدان بىر پۇرسەت يارىتىلدى. ئۇ بەدرىدىن قايتىپ كېلىپ، مەدىنىدە ئالتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن «دۇمەتۇل جەندەل» (شامغا يېقىن جاي) ئەتراپىدىكى قەبىلىلەر يولنى توسۇپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى بولاپ-تالاپ، يولۇچىلارغا جەۋرى-زۇلۇم ساپتۇ ۋە يەنە مەدىنىگە يۈرۈش قىلىش مەقسىتىدە جىددىي كۈچ توپلاۋېتىپتۇ»، دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۆز ئورنىدا مەدىنىدە سىبائ ئىبنى ئەرفەتەتۇلغىفارىنى قالدۇرۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 5- يىلى رەبىئولئەۋۋەلنىڭ 25- كۈنى مۇسۇلمانلاردىن 1000 كىشى بىلەن يولغا چىقتى ۋە بەنى ئۆزرە قەبىلىسىدىن مەزكور ئىسىملىك بىر كىشىنى يولباشلىغۇچىلىققا ئېلىۋالدى.

قوشۇن دۈشمەنگە تويۇقسىز زەربە بېرىش ئۈچۈن كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ، كېچىسى يول-يۈرۈپ مېڭىپ، ھەتتا بىر چاغدا ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىگە يېقىنلاپ بېرىۋىدى، ئۇلاردىن ھېچكىشى ئۇچرىمىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئۇلانىڭ چارۋا-ماللىرىغا ۋە قويچى-پادىچىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى قولغا چۈشتى. بەزىسى قېچىپ كەتتى. ئەمما دۇمەتۇلجەندەل ئاھالىسى مۇسۇلمانلارنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلاپ، تەرەپ-تەرەپكە تىكىۋەتكەنىدى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ مەنزىلىگە يېتىپ بارغاندا، ئۇلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۇ يەردە بىر قانچە كۈن تۇرۇپ تەرەپ-تەرەپكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتىپ ۋە ئارقىمۇ-ئارقا قوشۇنلارنى چىقىرىپ، ئاختۇرۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، بىرمۇ ئادەم ئۇچرىتىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەدىنىگە قايتتى. قايتىش سەپىرىدە ئۇيەينە ئىبنى ھىسنى بىلەن (مۇناسىۋەتلىك) كېلىشىملەرنى ئىمزالاشتى.

دۇمەتۇلجەندەل شام تەۋەلىكىدىكى چېگرا بويىغا جايلاشقان مەشھۇر قەدىمى بولۇپ، بۇ يەر بىلەن دەمەشىق (شام پايتەختى) ئارىلىقى 15 كۈنلۈك مۇساپە ئىدى. مەدىنە بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ ئوخشاشلا 15 كۈنلۈك مۇساپە كېلەتتى.

خوش… رەسۇلۇللاھ مانا مۇشۇنداق چاپسان، ھەم جىددىي ھەربىي يۈرۈشلەرنى قوزغاش ۋە مۇشۇنداق دانا ھەم پۇختا تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق رايون تەۋەلىكىنىڭ تىنچ، مۇقىم بولۇشىنى، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ، دەۋىر چاقىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئايلىنىشىنى، ھەمدە مۇشۇ بىر يىل مابەينىدە مۇسۇلمانلارنى ئارقا-ئارقىدىن تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، ھەر تەرەپتىن ئسىكەنجىگە ئېلىۋالغان ئىچكى-تاشقى قىيىنچىلىقلارنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىشتەك نەتىجە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئالايلى، ئەينى ۋاقىتتا تىپىرلاپ قالغان مۇناپىقلار ئەمدىلىكتە بىردىنلا ھورىغا جىمىقىپ، يۇۋاشلىشىپ قالدى. يەھۇدىيلارنىڭ بىر قەبىلىسىنى (يەنى بەنى نەزىرنى) سۈرگۈن قىلىش ئىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىۋىدى، يەنە بىرسى (يەنى بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى) قوشنىدارچىلىق ھەققىگە ۋە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ۋە ئەھدى-پەيمانلارغا ۋاپا قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ ئوبدانلاپ قالدى، قاراقچى-بۇلاڭچى بەدەۋىيلەرمۇ تىنجىدى. ھەتتا ئەڭ چوڭ دۈشمەن قۇرەيش دائىرلىرىمۇ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشتىن يالتايدى. دېمەك، مۇسۇلمانلارغا دەئۋەتى ئىسلامىيەنى قانات يايدۇرۇش ۋە پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىلىكىنى ئۆز لايىقىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق شەرت-شارائىت ھازىرلاندى.

ئەھزاب (دۈشمەن ئىتتىپاقداش قوشۇنى) غازىتى

بۆلۈم: “ئەھزاب (دۈشمەن ئىتتىپاقداش قوشۇنى) غازىتى”

ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە قوللىنىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق ئارالنىڭ ۋەزىيىتى خېلى ئوبدان تىنچلىنىپ قالغانىدى. ئەمىنلىك ۋە خاتىرىجەملىك ئاساسىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنىدى. ئەپسۇسكى، (ئۆز تارىخىنىڭ بەتلىرىنى ئالدامچىلىق، سۈيقەستچىلىك، خىيانەت، بۇزغۇنچىلىق، ئىغۋاگەرچىلىك، مەككار-كەززاپلىق قارا داغلىرى بىلەن بويۇۋەتكەن) يەھۇدىيلار ئازغۇنلۇق ئۇيقۇسىدىن يەنىلا ئويغانمىدى. ئۇلارغا ياخشىلىق ياراشمىدى، ئۇلار ئالدامچىلىق ۋە سۈيقەست پىلانلاش سەۋەبىدىن تارتقان ئازاب-ئۇقۇبەتلىرىدىن ئاچچىق ساۋاق ۋە ئىبرەت ئالمىدى. نەتىجىدە ئۇلار (بولۇپمۇ بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى) خەيبەرگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىست مۇشرىكلار ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان جىددىي توقۇنۇشلارنىڭ نەتىجىسىگە تۆت كۆزى بىلەن قاراپ تۇردى-دە، دەۋرى ئېقىمى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە قاراپ يۈزلىنىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي نوپۇز دائىرىسى كۈنسايىن كېڭىيىشكە ۋە ھاكىمىيەت ئاساسى بارغانسېرى پۇختىلىشىشقا باشلىۋىدى ئۇلار ھەسەت خۇمدانلىرىدا دۈملىنىپ، زەھەر قوقاسلىرىغا كۆمۈلگەندەك بولۇپ كېتىشتى. ئۇلار مۇسۇلمانلارغا قارىتا يېڭىباشتىن باشقىچە بىر خىل سۈيقەست پىلانلاشقا كىرىشتى ھەمدە مۇسۇلمانلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىدىغان چوڭ بىر زەربىگە تەييارلىق كۆرۈشكە تۇتۇشۇپ كەتتى.

يەھۇدىيلار ئەمدى مۇسۇلمانلار بىلەن بىۋاسىتە قارشىلىشىشقا مادارى يەتمەيدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئاشۇ رەزىل مەقسىتى ئۈچۈن ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ئاجايىپ قەبىھ مۇنداق بىر پىلاننى تۈزۈپ چىقتى.

خەيبەرلىك يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى ۋە بەنى نەزىر يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىدىن بولۇپ، يىگىرمىدەك ئادەم تەشكىللىنىپ مەككىگە باردى. ئۇلار مەككە مۇشرىكلىرىنى رەسۇلۇللاھقا قارشى ئۇرۇش قوزغاشقا چاقىردى ۋە ئۇلار بىلەن مۇشۇ ھەقتە سىياسىي دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۆزلىرىمۇ بىۋاسىتە جەڭگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. قۇرەيش تەرەپ دەرھال ماقۇل بولدى. ئۆتكەن يىلى بەدرىدە ئۇچرىشىش ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان قۇرەيش دائىرلىرى بۇ قېتىمقى زەربىدە كۆپرەك رول ئويناش ئارقىلىق شۇ چاغدا دەخلىگە ئۇچرىغان ئار-نومۇسىنى ئاقلىماقچى بولدى.

ئۆمەك ئەزالىرى قۇرەيش دائىرلىرىنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇدۇل غەتفان قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارنىمۇ مۇشۇ نىشانغا ئۈندىگەنىدى. غەتفان تەرەپ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئاندىن بۇ ئۆمەك مۇشۇ ئەتراپتىكى ئەرەب قەبىلىلىرىدە تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ، يۇقىرى-تۆۋەن قاتىراپ يۈرۈپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى جامائەت پىكىرى توپلىدى ۋە ئوخشاش قاراشتىكىلەر تەڭ دوست تارتىشىپ، تۈلكە-بۆرىلەر ئېغىز-بۇرۇن يالاشتى. قىسقىسى، مانا مۇشۇنداق قىلىپ، يەھۇدىي سىياسىيونلىرى ۋە قوماندان ئەمەلدارلىرى كۇفرى كۈچلىرىنى رەسۇلۇللاھقا قارشى بىرلەشتۈرۈپ، تەشكىللەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

ئۇزاق ئۆتمەي ھەر قايسى تەرەپ ۋەدىسىگە ئاساسەن مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى. قۇرەيش ۋە كەنانە قەبىلىلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى (ئەبۇ سۇفياننىڭ قوماندانلىقىدا) 4000 كىشى بىلەن جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئاتلاندى. ئۇلار مەررىزەھرانغا كەلگەندە، بەنى سۇلەيم قەبىلىسى قوشۇلدى. شەرقتىن غەتفان قەبىلىلىرىدىن بەنى فەزارە (ئويەينە ئىبنى ھىسنى باشچىلىقىدا)، بەنى مۇررە (ھارىس ئىبنى ئەۋف باشچىلىقىدا)، بەنى ئەشجەئە (مىسئەر ئىبنى رەخىيلە باشچىلىقىدا) جەمەت ۋە ئايماقلىرى غەربكە قاراپ ماڭدى. شۇنىڭدەك بەنى ئەسەد ۋە باشقىلارمۇ قوزغالدى.

شۇنداق قىلىپ، ھەر قايسى قەبىلە ۋە ئايماقلارنىڭ قوشۇنلىرى توپ-توپ بولۇپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت بويىچە مەدىنىگە قاراپ يول ئالدى. ئەمدىكى ئىش مەدىنىدە قالغانىدى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن مەدىنە ئەتراپىدا مەدىنە ئاھالىسىنىڭ (چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، قېرى-ياش) ئومۇمى سانىدىن ئۈچ ھەسسە ئېشىپ كېتىدىغان 12 مىڭدىن كۆپرەك (شۇ دەۋرگە نىسبەتەن) ناھايىتى زور قوراللىق قوشۇن قارا چۆمۈلە كەبى مىغىلداپ پەيدا بولاتتى. ناۋادا بۇ بىرلەشمە قوشۇن مەدىنە تەۋەسىگە تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىدىغان بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يەردىكى مەۋجۇدىيىتىگە مۆلچەردىكىدىن كۆپ خەۋپ-خەتەر كەلتۈرەتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش قىرغىن قىلىنىپ، يۇرت-ماكان ۋە باغ-ۋارانلىرى تەلتۆكۈس خانىۋەيران بولۇپ كېتىشىمۇ ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىدى. بىراق، مەدىنە رەھبەرلىك قاتلىمىمۇ سەگەك ھەم يىــراقنى كۆرەر رەھبەرلىــك بولغاچقا، ئۆزىنىڭ يۇمـران ئۈگە بارماقلىرى بىلەن دۈشمەننىڭ تومۇرىنى سەگەكلىك بىلەن تۇتۇپ، كېسەلگە توغرا دىئاگنوز قويۇپ، ۋەزىيەتنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئەتراپنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇرۇۋاتاتتى. شۇڭا، بۇ جاھالەت شايكىلىرى ئۆز ماكانلىرىدىن تېخى قوزغالماستا مەدىنە قوماندانلىق شىتابى ئۆز ئاخباراتچىلىرى ئارقىلىق بۇ مىسلىسىز خەۋپ-خەتەر توغرىلىق جددىي مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغانىدى.

رەسۇلۇللاھ ئاخباراتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭەيتىلگەن ھەربىي كېڭەش يىغىنى چاقىردى. يىغىندا: «قانداق قىلـــــغاندا مەدىـنىنى دۈشــمەننىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالغىلى بولىدۇ؟» دېگەن ھەقتە يېغىن قاتناشچىلىرى بىلەن كەڭ-كۇشادە پىكىر ئالماشـتۇردى. ئاخىردا يىـغىن قاتناشچىـلىرى بىلەن رەھبەرلىك قاتلىمى ئوتتۇرىسىدا جىددىي مۇزاكىرە ۋە قىزغىن غۇلغۇلا قىلىش ئارقىلىق كاتتا ساھابە سەلمان فارىسى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-لايىھىسى ماقۇللاندى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز ئىراندا مۇبادا دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىدە قالىدىغاندەك بولساق ئارىغا خەندەك (ئاكوپ) كولىۋالاتتۇق. مۇشۇ يەردىمۇ شۇنداق قىلساق؟» سەلمان پارىسى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پىلان ئەرەبلەر بۇندىن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ناھايىتى ئوبدان تەدبىر-لايىھە بولغانىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ مۇشۇ تاكتىكىنى قوللىنىشنى قوبۇل تاپتى-دە، دەرھال تۇتۇش قىلىپ، ھەر ئون ئادەمگە 40 گەز (تەخمىنەن 30 مىتېردەك)دىن خەندەك (ئاكوپ) كولاشنى ئورۇنلاشتۇردى.

مۇسۇلمانلار قول-قولچە، ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات بىلەن خەندەك كولاشقا كىرىشىپ كەتتى. رەسۇلۇللاھمۇ ئۇلارغا ئىلھام ۋە مەنىۋى مەدەت بېرىپ ئۇلارنىڭ خەندەك كولاش ھەرىكىتىگە باشتىن-ئاخىر ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشتى. سەھىھۇلبۇخارىدا: سەھىل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن خەندەكتە كېچە-كۈندۈز بىللە بولاتتۇق، مۇسۇلمانلار جىددىي كولايتتۇق، خەندەك توپىسىنى يۈدۈپ توشۇيتتۇق.

ئى ئاللاھ! ئاخىرەت ھاياتى ھەقىقىي ھايات،

مۇھاجىر، ئەنسارلارغا قىلغىن ئىلتىپات.

دەيتتى.

ئەنەس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى تاڭ سەھەردە خەندەك ئىش ئورنىغا چىققانىدى. بۇ چاغدا مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلار ھەممەيلەن بىرلىكتە سەھەرنىڭ قەھرىتان سوغاقلىرىغا قارىماي، جىددىي ئاكوپ كولاۋاتاتتى. ئۇلارغا ياردەملىشىدىغان قۇل-چاكىرى ياكى ئىشچى-مەدىكارى يوق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ئاچلىق دەرد-ئەلىمى ئۈستىگە ئەمگەك ئازابى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:

ئى ئاللاھ! ئاخىرەت ھاياتى ھەقىقىي ھايات،

مۇھاجىر ئەنسارلارغا قىلغىن ئىلتىپات.

دېگەنىدى. ساھابىلەر رەسۇلۇللاھقا:

بىزكى بەيئەت قىلغان مەرد،

مۇھەممەدكە، جىھادقا.

ھۆر ئەقىدە ياشاش ئۈچۈن،

يا شەرەپلىك ماماتقا.

دەپ جاۋاب قايتۇردى».

يەنە سەھىھۇلبۇخارىدا بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ خەندەكتىن توپا توشۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ مۇبارەك ئەتلىرى توپا-چاڭلار بىلەن قاپلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدىم. ۋەھالەنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ كۆكرك قىسمىدا قويۇق تۈكلەر بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ توپا تۇشۇۋېتىپ، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەنىڭ مۇنۇ شېئىرىنى مۇڭلۇق ئاھاڭدا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم:

رەببىمىز! سەن بولمىساڭ تاپماس ئىدۇق ھىدايەت،

بىلمەس ئىدۇق، نېمىدۇر؟ زاكات، ناماز،روزا، ئىبادەت،

ئاتا قىلغىن بىزلەرگە خاتىرىجەملىك سائادەت،

ئېلىشقاندا ياۋ بىلەن سەبرى-سۇبات جاسارەت،

بوزەك قىلدى مۇشرىكلار، تۇتۇپ بىزگە ئاداۋەت،

دىنىمىزدىن ياندۇرسا، قىلماسمىز ھېچ ئىتائەت،

……

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ يۇقىرىقى شېئىرنىڭ ئاخىر مىسراسى:

بوزەك قىلدى مۇشرىكلار تۇتۇپ بىزگە ئاداۋەت،

دىنىمىزدىن ياندۇرسا قىلماسمىز ھېچ ئىتائەت

نى ناھايىتى مۇڭلۇق ئاھاڭدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرەتتى».

مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق چەبدەسلىك ۋە جۇشقۇن روھ بىلەن ئىشلەيتتى. ۋەھالەنكى، ئۇلار شۇ ھالىتىدە قاتتىق ئاچلىق ئازاۋىنى تارتقانىدى.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «خەندەك كولىغۇچىلارغا بىرەر چاڭگال ئارپا كەلتۈرۈلۈپ، بۇزۇلغان ياغ بىلەن تاماق قىلىنىپ قويۇلاتتى-دە، ئۇلارنىڭ قورسىقى تولىمۇ ئاچ بولغانلىقتىن تېتىماي يۇتۇۋېتەتتى. ھالبۇكى، ھېلىقى تائامنىڭ بەتبۇي ھىدى كىشىنى بىزار قىلاتتى»، دېگەن.

ئەبۇ تەلھە: «بىز رەسۇلۇللاھقا ئاچلىق دەردىنى شىكايەت قىلىپ، قورسىقىمىزغا تېڭىۋالغان بىردىن تاشنى ئېچىپ كۆرسەتكەنىدۇق، ئۇ قورسىقىنى ئېچىپ، ئىككى تاشنى قوشلاپ تېڭىۋالغانلىقىنى كۆرسەتتى»، دېگەن.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەندەك كولاش جەريانىدا رەسۇلۇللاھنىڭ بەرھەق، راست پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قانچە مۆجىزە ۋە ئالامەتلەر كۆرۈلدى. جابىر ئىبنۇ ئابدۇللاھ بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ چىرايىدا ئاچلىق ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۆيىگە بېرىپ، بىر پاقلاننى سويدى ۋە ئايالىغا بۇيرۇپ، بىر سا (تەخمىنەن 2 كىلوگىرام) ئارپىنى ياغۇنچاق بىلەن ئەزدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ قېىشىغا كېلىپ ساھابىلەردىن بىر قانچەيلەننى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىشىنى ئاستاغىنە ئېيتقانىدى، رەسۇلۇللاھ خەندەك كولاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئېلان قىلىپ، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننى ئېلىپ باردى. ئۇلار 1000دەك ئادەم ئىدى. ئۇلار شۇ تاماقتىن تەناۋۇل قىلىشپ، قورساقلىرى تويۇپ كېتىشتى. لېكىن گۆش قازىنى ئەسلى پېتى پېتىقلاپ قايناۋاتاتتى. قاچىدىكى ئارپا خېمىرىمۇ 1000 كىشىگە نان ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنىلا ئەسلىدىكىدىن كۆپ جىمىمىغانىدى. نۇئمان ئىبنۇ بەشىرنىڭ ھەمشىرىسى ئاتىسى ۋە قېرىندىشىنىڭ غىزالىنىشى ئۈچۈن قۇرۇق خورما ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن خورمىنى سورىدى ۋە ئۇنى ماتا رەخت ئۈستىگە تاشلاپ چاچتى. ئاندىن خەندەك ئەھلىنى چاقىردى. ئۇلار كېلىپ خورمىدىن يېيىشكە باشلىدى. خورما داستىخاندا كۆپىيىپ ئاۋۇپلا تۇراتتى. ھەتتا خەندەك كولاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تويۇپ قايتتى. ھالبۇكى، ھېلىقى خورمىلار داستىخانغا پاتماي ئەتراپقا چېچىلىپ تۇراتتى».

ئىمام بۇخارىنىڭ توپلىغان ھەدىسىدە، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن يۇقىرىقى ئىككى مۆجىزىدىن روشەن ھەم ئېنىقراق بولغان مۇنداق بىر مۆجىزە رىۋايەت قىلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خەندەك كولاۋاتقان ئەسنادا خەندەك ئوتتۇرىسىدا بىر يەردىن چوڭ بىر قۇم قېرىسى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! چوڭ بىر قورام تاشتەك قۇم قېرىسى چىقىپ قالدى›، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ‹مەن چۈشەي›، دەپ، قولىغا بىر تال جوتۇ ئېلىپ چۈشتى. بۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ قورسىقىغا قوشلاپ تاشلارنى تېڭىۋالغانىدى. (چۈنكى ئۈچ كۈندىن بېرى بىز ئېغىزىمىزغا ئۇۋاقمۇ سالمىغانىدۇق) ئۇ تاشنى قولىدىكى جوتۇ بىلەن بىر ئۇرغانىدى، ھېلىقى تاش گويا كۆك قۇمدەك ئەت تۇپراققا ئايلىنىپ كەتتى».

يەنە بەررا (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: «بىز خەندەك كولاۋاتقان كۈنلەردە خەندەكنىڭ بىر يېرىدە بولقا-بازغانلارمۇ كار قىلمايدىغان چوڭ بىر قورام تاش ئالدىمىزنى توستى. شۇڭا بىز ئۇنى رەسۇلۇللاھقا مەلۇم قىلدۇق. رەسۇلۇللاھ كېلىپ قولىغا بازغاننى ئالدى-دە، ‹بىسمىللاھ›، دەپ قاتتىق بىر ئۇرغانىدى، ئازراق ئۇچۇپ چۈشتى. رەسۇلۇللاھ: ‹ئاللاھۇ ئەكبەر، ماڭا شام زېمىنلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى بېرىلدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن شۇ تاپتا شامنىڭ قىزىل سارايلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن›، دېدى. رەسۇلۇللاھ بازغاننى كۆتۈرۈپ يەنە بىرنى ئۇرغانىدى، يەنە ئازراق ئۇچتى. رەسۇلۇللاھ يەنە: ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› ماڭا ئىران زېمىنلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى بىرىلدى. مەن شۇ تاپتا ئىران خان ئوردىسىنىڭ ئاق سارايلىرىنى كۆرگەندەك بولىۋاتىمەن›، دېدى. ئاندىن يەنە ‹بىسمىللاھ› دەپ ئۈچىنچى قېتىم بازغان سالغانىدى. تاشنىڭ قالغان قىسمىمۇ پارچىلىنىپ چۈشتى. رەسۇلۇللاھ بۇ چاغدا: ‹ئاللاھۇ ئەكبەر، ماڭا يەمەن زېمىنلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى بېرىلدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ھازىر مۇشۇ خەندەك ئىچىدە تۇرۇپ سەنئا شەھەر دەرۋازا قوۋۇقلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن›، دېدى».

ئىبنى ئىسھاق سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇشۇ ھەدىسنىڭ ئوخشىشىنى رىۋايەت قىلدى.

مەدىنىنىڭ شىمالى قىسمىدىن باشقا ھەممە ياقىسىنى ئەسكى چاتقاللىق تاغ ئىدىرلىق بوستانلىق ۋە خورمىزالىقلار ئوراپ تۇرغان بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ گويا يېتىشكەن ھەربىي ئالىمدەك: «بۇنداق زور قوشۇننىڭ مەدىنىگە بىراقلا ھۇجۇم قىلىپ باستۇرۇپ كىرەلىشى پەقەت شىمال تەرەپتىنلا مۇمكىن» دېگەننى پەرەز قىلدى-دە، شۇڭا ئۇ خەندەك ئورنىنى مەدىنىنىڭ شىمالى قىسىمىغا كولاشنى بېكىتكەنىدى.

مۇسۇلمانلار خەندەك قېزىش ئىشىنى ناھايىتى جىددى ئېلىپ باردى. ئۇلار پإتإن بىر كۈن توپا قېزىپ، توشۇپ، كەچ كىرگەندە ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتاتتى. شۇنداق قىلىپ ئاشۇ مىسلىسىز زور (شۇ دەۋرنىڭ ئۇرۇش ئەھۋالى بويىچە – ت) قوشۇن مەدىنە تەۋەسىگە قەدەم باسقۇچە خەندەك قۇرۇلىشىمۇ ئەسلىدىكى تەلەپ بويىچە پۈتۈپ چىقتى.

دەل شۇ كۈنلەردە قۇرەيش دائىرلىرى تۆت مىڭ مۇشرىك قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ زىئابە بىلەن جارىف ئارىلىغىدىكى سەل كۆلچىكى بويىدىن رومە دىگەن يەرگە چۈشتى. غەتپان ۋە ئۇلارغا تەۋە قەبىلىلەردىن 6000 مۇشرىك نەجدە تەرەپتىن سەلدەك ئېقىپ كېلىپ ئوھۇد تېغى تەۋەسىدىن «نىقما قۇيرۇقى» دېگەن يەرگە ئورۇنلاشتى.

مۇئمىن-مۇسۇلمانلار بۇ كۆپ قەبىلە ئىتتىپاقداش قوشۇنىنىڭ مەدىنە ئەتراپىدا قۇرتتەك مىغىلداپ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ : «مۆمىنلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا:« بۇ (يەنى قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر.ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتتى » دېيىشتى.(بۇ ئىش)ئۇلارنىڭ (ئاللاھ غا بولغان)ئىمانىنى ۋە (ئاللاھ نىڭ بۇيرۇقلىرىغا بولغان) بويسۇنۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى(سۈرە ئەھزاب 22- ئايەت).

ئەمما مۇناپىقلار ۋە ئىمانى ئاجىزلار دۇشمەننىڭ قارىسىنى كۆرۈپلا يۈرەكلىرى ئېغىپ ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى: «ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە(دىللىرىدا مۇناپىقلىق كېسىلى بارلار): ‹ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن› دېيىشەتتى». (سۈرە ئەھزاب 12-ئايەت).

رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلاردىن 3 مىڭ كىشى بىلەن چىقىپ سەلئى تېغى باغرىغا چۈشۈپ مۇداپىئەدە تۇردى. خەندەك ئاكوپى رەسۇلۇللاھ بىلەن دإشمەن ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇراتتى.

ئۇلارنىڭ جەڭ مارىشى «دۈشمەن ھامان مەغلۇپ بولىدۇ!» ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام ئۆز ئورنىدا مەدىنىدە ئابدۇللا ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنى قالدۇرۇپ ئاياللار ۋە بالىلارنى شەھەر قەلئەسىگە يىغىۋېتىشكە بۇيرىغانىدى.

مۇشرىكلار ئالدى-كەينى يىغىلىپ مۇسۇلمانلارغا ئومۇمى يۈزلۈك ھۇجۇم قوزغاپ مەدىنىگە باستۇرۇپ كىرمەكچى بولۇپ دېۋەيلەپ كېلىشىۋىدى تۈپتۈز ھەم تىك كەتكەن خەندەك ئاكوپى گويا كەلگەننى شوراپ كېتىدىغان سإرلإك ئەجدىھادەك ئاغزىنى چوڭ ئېچىپ تۇرغان ھالەتتە كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ ياتماقتىن باشقا ئامال تاپالمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۆز ماكانلىرىدىن يولغا چىققاندا بۇ خىل جەڭ تاكتىكىسىغا قارىتا تەييارلىقسىز چىققانىدى (ئالدىنقى باپتا دىيىلگەندەك)، بۇنداق جەڭ تاكتىكىسىنى ئەرەبلەر بۇندىن بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغاچقا ئۇنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى جەڭ ھېساۋىغا كىرگۈزۈپمۇ قويمىغانىدى.

ئۇلار خەندەك تونىلىدىن بۆسۇپ ئۆتمەكچى بولۇپ ئاجىز ھالقىلارنى پايلاپ يۈرۈپ خەندەك بويىدا ئات چاپتۇرۇشقا باشلىدى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ ھەرىكەت نىشانىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ قايسى تەرەپكە ئات چاپتۇرسا شۇ تەرەپكە يېتىپ بېرىپ مۇشرىكلارنىڭ خەندەكتىن بۆسۈپ ئۆتـمەسلىكى ياكى خەندەككە توپا توشقۇزۇپ يول ياسىۋالماسلىقى ئۈچۈن قار-يامغۇدەك ئوق ياغدۇرۇپ ئۇلارنى خەندەك لېۋىگە يېقىن كەلتۈرمىدى. ئاخىرى قۇرەيش چەۋەندازلىرىدىن بىر بۆلۈكلەر مۇھاسىرە نەتىجىسىنى جىمجىتلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇشنى خالىمىغان چېغى، (چۈنكى ئىشلارنىڭ ئۆزىچە ھەل بولىشىنى كۈتۈش قورقۇنچاق توخۇ يۈرەكــــلەرنىڭ ئىشــــــى ئىدى) ئۇلاردىن بىر تۈركـــۈم تەلۋىلەر ئات چاپتۇرۇشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمرى ئىبنى ئەبدى ۋۇد، ئىكرەمە ئىبنى ئەبى جەھىل ۋە زىرار ئىبنى خەتتاب قاتارلىق باتۇر-پالۋانلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار خەندەكتىن سەل تارراق قېزىلغان بىر يەرگە ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كېلىپ ئۇچۇرتۇپ ئۆتكۈزۈپ سەلئى تېغى بىلەن خەندەك ئارىلىغىدىكى تۈزلەكلىكتە ئات چاپتۇرۇپ جەۋلان قىلىپ كۈچ كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا ئۇلارغا قارشى ئەلى ئىبنۇ ئەبى تالىپ مۇسۇلمانلاردىن بىر نەچچە نەپەر ئەزىمەتنى باشلاپ چىقىپ ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ ئاخىرى ئۆزلىرى ئات سەكرىتىپ ئۆتكەن تار نۇقتىغا قىستاپ ئاپاردى. بۇ يەردە مۇشرىكلار تەرەپتىن ئەمرى ئىبنى ئەبەدۋۇد مۇسۇلمانلارغا يەكمۇ-يەك ئېلىشىش تەلىپىنى قويغانىدى، ئۇنىڭغا قارشى ئەلى ئىبنۇ ئەبى تالىپ مەيدانغا چۈشۈپ ئەمىرنىڭ ئۇغۇزىنى ئېچىشتۇرىدىغان بىر گەپنى قىلدى-دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قىلىچىنى قىنىدىن سۇغارغانچە ئاتنىڭ پۇت-قولىنى چېپىپ بوينىنى ئۈزۈۋەتتى (چۈنكى ئەمرى قۇرەيش ئىچىدە ئەل ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان چەۋەنداز ئىدى). ئاندىن ئەلىغا پەشۋا ئاتتى ۋە قىلىچلاشتى. ئاخىرى ئەلى رەقىبىنى غەپلەتتە قالدۇرۇپ ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ يىقىتتى. باشقىلار چېكىنگەن پېتى قېچىپ خەندەككە ئۆزىنى ئېتىشتى. ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، باش سەركەردە ئىكرەمە ئىبنۇ ئەبى جەھىل ئەمر ئىبنۇ ئەبدى ۋۇدنىڭ كاللىسىنىڭ ئالدىغا دۇمۇلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ نەيزىسىنى ئېلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قېچىپ ئۆزىنى خەندەككە ئاتتى. مۇشرىكلار مۇھاسىرىنى راسا كۈچەيتكەن ئاشۇ كۈنلەردە، خەندەكتىن بۆسۈپ ئۆتۈش ياكى توپا توشقۇزۇپ يول بەرپا قىلىشقا كۆپ قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆردى، لېكىن مۇسۇلمانلارمۇ بوش كەلمەي قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ، ئۇلارغا قار-يامغۇردەك ئوق ياغدۇرۇپ ۋە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئاخىر ئۇلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزمىدى.

مۇشۇنداق جىددىي ۋە كەسكىن جەڭ بىلەن بولۇپ كەتكەنلىكتىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قانچە ۋاقىت نامىزى قازا بولۇپ كەتتى.

«سەھىھۇلبۇخارى» ۋە «سەھىھۇلمۇسلىم»دا جابىر رەزىيەلللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «خەندەك كۈنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ قۇرەيش كافىرلىرىنى تىللاپ كەتتى ۋە: «ئى رەسۇلۇللاھ مەن شۇلار بىلەن بولۇپ كىتىپ تېخىغىچە ناماز ئوقۇيالمىدىم، ۋەھالەنكى كۈن كىرىپ كەتكىلى تاسلا قاپتۇ» دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئەبىرايى خۇدا مەنمۇ ھەم تېخىغىچە ئوقۇيالمىدىم» دېدى شۇنىڭ بىلەن بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۆۋەنگە چۈشۈپ تاھارەت ئالدۇق، رەسۇلۇللاھمۇ تاھارەت ئالدى، ئاندىن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدى. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ناماز شامنى ئوقۇدى. بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن كۈن پېتىپ بولغانىدى».

رەسۇلۇللاھ بۇ نامازلارنىڭ قازا بولۇپ كەتكەنلىكىگە ناھايىتى بىئارام بولدى، ھەتتا ئۇزىنى ناماز ئۇقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغان مۇشرىكلارغا دۇئايى بەد قىلدى. «سەھىھۇلبۇخارى»دا ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «رەسۇلۇللاھ خەندەك ئۇرۇشى كۈنى: ‹ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى ۋە گۆر-قەبرىلىرىنى ئوتقا توشقۇزىۋەتسۇن، ئۇلار بىزنى تاكى كۈن پاتقانغا قەدەر سەلاتول ۋۇستا دىن مەشغۇل قىلدى› دېدى».

ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمامى شافىنىڭ «مۇسنەد» دېگەن كىتاۋىدا «مۇشرىكلار شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ پېشىن، ئەسىر، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىدىن توسۇپ قويغان، شۇڭا ئۇ بۇ نامازلارنى بىر يولىلا ئوقۇغان»، دېيىلگەن. ئىمام نەۋەۋى: «بۇ رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىرلەشتۇرۇشنىڭ يولى شۇكى مۇھاسىرە بىر قانچە كۈن داۋام قىلغان. بەزى كۈنلىرى ئەسىر نامىزىلا قازا بولۇپ كەتكەن بولسا، يەنە بەزى كۈنلىرى پۈتۈن بىر كۈنلۈك ناماز قازا بولۇپ كەتكەن»، دېگەن.

مۇشۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، مۇشرىكلارنىڭ خەندەكتىن بۆسۈپ ئوتۈشكە ئۇرۇنۇشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇلارغا قايتارما زەربە بىرىشى بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان، لېكىن خەندەك تونىلى ئوتتۇرىدا پاسىل بولۇپ، ئىككى تەرەپنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرغاچقا ئارىدا بىۋاستە ئۇرۇش ۋە قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن، بەلكى ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى يىراقتىن ئوققا تۇتۇش، كۈچ كۆرسىتىش، ھەيۋە قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەن.

دۇرۇس، بۇ قېتىمقى ئېتىشىشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن بارماق بىلەن سانىغىلى بولىدىغان بىر قانچە كىشى چىقىم بولدى. مۇسۇلمانلار تەرەپتىن ئالتە كىشى شېھىد بولدى، مۇشرىكلار تەرەپتىن ئون كىشى يەر چىشلىتىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ياكى ئىككى كىشىلا قىلىچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى.

ئاشۇنداق تىركىشىش داۋامىدا سەئەد ئىبنى مەئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوق تېگىپ ئۇنىڭ كۆك قان تۇمۇرى ئۈزۈۋېتىلدى. ئۇنى قۇرەيشلەردىن ھىببان ئىبنى ئەرەقە ئىسىملىك بىرسى ئاتقانىدى، بۇ چاغدا سەئەد ئىبنى مەئاز دۇئا قىلىپ: «ئى ئاللاھ! سەن بىلىسەنكى، مەن ئۈچۈن سېنىڭ پەيغەمبىرىڭنى يالغانغا چىقىرىپ، ئانا يۇرتىدىن قوغلاپ چىقارغان خەلق بىلەن جىھاد قىلىشتىنمۇ ياخىش ئىش بولمىسا كىرەك. ئى ئاللاھ! مەن ئويلايمەنكى، ئېھتىمال سەن بىز بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇش بىلەن ئاخىرلاشتۇردىڭ بولغاي، ناۋادا ئالدىمىزدا قۇرەيش كافىرلىرى بىلەن ئاز-تولا ئۇرۇش بولىدىغان بولسا مېنى ھايات قويغىن، سېنىڭ يولۇڭدا جىھادنى داۋاملاشتۇراي. ئەمما، ئۇلار بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشنى توختاتقان بولساڭ، بۇ جاراھەتنى ئاقتۇرۇۋەتكىن ۋە مۇشۇنىڭ بىلەن مېنى دەرگاھىڭغا ئېلىپ كەتكىن»، دېگەن. ئۇ دۇئاسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «ئى ئاللاھ! بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگۈچە مېنى جېنىمدىن جۇدا قىلمىساڭ»، دېگەن.

خوش … مۇسۇلمانلار جەڭ مەيدانىنىڭ ئالدىنقى سېپىدا مانا مۇشۇنداق ئېغىر ھەم جىددىي قېيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ھايات-ماماتلىق ئېلىشىۋاتقان ھالقىلىق پەيتلەردە سۈيقەستچى مەككار يەھۇدىي يىلان-چايانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇۋا-كامىرلىرىدا تاقەتسىز تىپىرلاپ، زەھەر نەشتەرلىرىنى ئۆز تېنىگە ئۇرۇش (يەنى ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا سېلىش)نىڭ كويىدا توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى.

بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ باش جىنايەتچى كاتتىۋېشى ھۇيەي ئىبنۇ ئەختەب كېچىلەپ بەنى قۇرەيزە مەھەللىسىگە كەلدى. ئۇ كوچا دوقمۇشلاردىن ناھايىتى پەخەسلىك بىلەن ئۆتۈپ، ئاخىرى كەئەب ئىبنى ئەسەد قۇرەيزى نىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى ۋە ئۇنىڭ ئىشىكىنى قاقتى كەئەب تۈن نىسپىدە كەلگەن بۇ مېھماننىڭ سەرگەردان ھويەي ئىبنى ئەختەپ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭغا دەۋازىنى ئاچمىدى. ھويەي ئىبنى ئەختەپ ئۇنىڭغا داۋاملىق گەپ قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئىشىكنى ئاچتۇردى ۋە: «ئى كەئەب! مەن ساڭا يەر جاھاننىڭ ئىززەت-ئابرويىنى ئېلىپ كەلدىم ۋە سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان زور قوشۇن بىلەن كەلدىم. مەن قۇرەيشلەرنىڭ ئاتارمەن-چاپارمەنلىرىنىڭ جىمىسىنى ئېلىپ كېلىپ رومە دېگەن جايدىكى كۆل بويىغا چۈشۈردۈم ۋە غەتفان قەبىلىسىنىمۇ بارلىق ئاتارمەن ۋە چاپارمەنلىرى بىلەن قوزغاپ كېلىپ ئوھۇد تاغ باغرىدىكى ‹زەنبى نىقىما›غا چۈشۈردۇم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تاكى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ يوقاتمىغىچە بۇ يەردىن كەتمەسلىككە ئەھدى بەردى»، دېدى.

كەئەب ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلغاندىن كىيىن: «ئى ئىبنۇ ئەختەب، ئەزبىرايى خۇدا، سەن ماڭا يەر جاھاننىڭ ئىززىتىنى ئەمەس خارلىقىنى ۋە گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق قارا بۇلۇتنى ئېلىپ كېلىپسەن، ئى ھويەي! مېنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، مۇھەممەد ماڭا ساداقەت ۋە ۋاپا كۆرسەتتى» دېدى.

لېكىن مەككار ھويەي ئىبنۇ ئەختەپ كەئەبنىڭ ئېغىزىدىن كىرىپ، بۇرنىدىن چىقىپ يۈرۈپ، ئاخىر ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ نامىدىن ئەھدى-پەيمان بەردىكى: ناۋادا قۇرەيش ۋە غەتفان قۇشۇنلىرى نەتىجىسىز قايتىپ كېتىپ مۇھەممەدنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەلمىسە، مەن قورغانغا سەن بىلەن بىللە كىرىپ باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىمەن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كەئەب ئىبنى ئەسەد رەسۇلۇللاھ بىلەن تۈزگەن ئەھدى ۋە كېلىشىملەرنى يىرتىپ تاشلاپ مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، قارشىلاشماقچى ۋە مۇشرىكلار بىلەن بىللە ئۇرۇش سېپىگە قېتىلماقچى بولدى.

بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى ئۇرۇش ئالدىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەمەلىي ئىشلىدى. ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: «سەفىيە بىنتى ئابدۇلمۇتەللىپ (رەسۇلۇللاھنىڭ ھامماچىسى) ھەسسان ئىبنى سابىت قەلئەسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتاتتى. ھەسسان ئىبنى سابىتمۇ شۇ يەردە ئاياللار ۋە بالىلار بىلەن بىللە ئىدى. سەفىييە مۇنداق دېگەن: «شۇ ئەسنادا بىز تۇرۇۋاتقان قەلئە ئەتراپىغا بىر يەھۇدىي پەيدا بولۇپ، ئۈن-تىنسىز تىپىرلاپ، ئۇياق-بۇياقلارغا چېپىشقا باشلىدى. ئۇ چاغلاردا بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى بىزگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنىدى. بىز بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇداپىئە توسۇقى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. رەسۇلۇللاھ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار دۈشمەن ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ناۋادا بىرەرسى بىزگە تېگىش قىلىپ قالسا، ئۇلارنى تاشلاپ قايتىپ كىرەلمەيتتى. شۇڭا مەن ھەسسان ئىبنى سابىتقا: «ئى ھەسسان! قارا! ئاۋۇ يەھۇدىي قەلئە ئەتراپىنى چۆگىلەپ قالدى. قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بۇ يەھۇدىي بىزنىڭ مۇداپىئەسىز ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ قالسا، ئۆز ئادەملىرىگە خەۋەر قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر ئالدىنقى سەپتە بولۇپ قالدى، شۇڭا سەن دەرھال چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن»، دېدىم. ھەسسان: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن بىلىسەن، بۇنداق قىلىش مېنىڭ مەسئۇلىيتىم ئەمەس»، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن بېلىمنى باغلاپ، قولۇمغا چوماقنى ئالدىم-دە، قەلئەدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ ئۇنى پايلاپ تۇردۇم. بىر چاغدا پۇرسەت كېلىۋىدى، ئۇنى ئارقا-ئارقىدىن چوماقلاپ، ئاخىرى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. ئاندىن قەلئەگە يېنىپ چىقىپ: «ئى ھەسسان، ھېلىقى يەھۇدىينى مەن چۈشۈپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ چىقتىم، سەن چۈشۈپ ئۇنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىپ چىققىن، ئۇ ئەر كىشى بولغاچقا مېنىڭ يېقىن بېرىشىم ئەپسىز ئىكەن»، دېسەم، ھەسسان: «مېنىڭ ئۇ يەھۇدىينىڭ نەرسە-كېرەكلىرىگە ھاجىتىم يوق»، دەپ ئۇنىمىدى.

ھەقىقەتەنمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھامماچىسى (سەفىييە)نىڭ بۇ ئاجايىپ جاسارىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ خۇتۇن-قىزلىرىنى ۋە نارەسىدە گۆدەك بالىلىرىنى دۈشمەننىڭ قەستىدىن مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلاشتا غايەت زور ئىجابىي رولى بولغان. ئىگىللىنىشىچە، يەھۇدىيلار: «بۇ قەلئە ۋە قورغانلار (ئادەتتىكىچە مۇداپىئەدىنمۇ تامامەن خالىي تۇرۇقلۇق) ئىسلام قوشۇنىنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئەسى ھەم جەڭگىۋار ھالىتى بىلەن قوغدىلىۋېتىپتۇ»، دەپ ئويلىغان. شۇڭا، ئۇلار بۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن قايتا شۇغۇللىنىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. لېكىن، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلاردىن يۈز ئۆرۈپ مۇشرىكلارغا قۇشۇلغانلىقىنى ئەمەلىي ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇشرىكلارنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا ئىقتىسادىي تەمىنات ياردەملىرى بىلەن مەدەت بېرىشكە باشلىغان. كېيىنكى كۈنلەردە مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ مۇشرىكلارغا ياردەم قىلغان ئىئانە تۆگىلىرىدىن يىگىرمە تۆگىنى قولغا چۈشۈرگەن.

يەھۇدىيلارنىڭ ئەھدىنى بۇزغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر رەسۇلۇللاھقا ئاڭلانغان ھامان رەسۇلۇللاھ بۇ خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئىنىقلاپ باقماقچى بولدى. چۈنكى بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرنىڭ مەيدانى ئېنىق بىر تەرەپكە ئايرىلغاندىلا، ئاندىن ئۇلارغا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلەتتى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ بۇ خەۋرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن سەئەد ئىبنى مەئاز، سەئەد ئىبنى ئوبادە، ئابدۇللا ئىبنى رەۋاھ ۋە خەۋۋات ئىبنى جوبەيرلەرنى ئەۋەتتى ۋە: «سىلەر بېرىپ بۇ خەبسىلار توغرىلىق دېيىلگەن گەپ-سۆز ۋە خەۋەرلەر راستمۇ ياكى يالغانمۇ؟ ئېنقلاپ كۆرۈڭلار، ئەگەر ئىش شۇنداق بولسا ماڭا گەپنى سەل ئەگىتىپرەك جاۋاب بىرىڭلار، مەن شۇنىڭدىن بىلىۋالاي. كىشلەرنىڭ روھىي ھالىتىگە سوغۇق سۇ سەپكۈچى بولماڭلار، ناۋادا ئۇلار ۋەدىسىگە تۇرغان بولسا ئۇنى ئەل ئارىسدا ئۈنلۈك جاكارلاڭلار»، دېدى. ئەلچىلەر بەنى قۇرەيزە مەھەللىسىگە يېقىنلاپ بېرىۋىدى، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان مۇسۇلمانلاردىن يۈز ئۆرىگەنلىكىنى بايقىدى. ئۇلار ئەلچىلەرنى ئوچۇقتىن ئوچۇق تىللاپ ھاقارەتلىدى. ھەتتا، رەسۇلۇللاھقىمۇ ئاشكارا تىل ئۇزىتىپ: «رەسۇلۇللاھ دېگەن كىم ئۇ؟ بىز رەسۇلۇللاھ، ئەنسارى دېگەنلەرنى تونۇمايمىز. بىز بىلەن مۇھەممەدنىڭ ئارىسىدا ھېچ قانداق ئەھدى-پەيمان دېگەن گەپ يوق»، دەپ ئاغزىغا كەلگىنىچە جۆيلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلچىلەر كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قايتىپ كېلىشتى ۋە رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشۈپ: «ئۇززەل ۋە قارە» دەپ گەپ ئەگىتىشتى. يەنى، ئۇ يەھۇدىيلار ئۇززەل ۋە قارا ئايماقلىرىنىڭ رەجىئ ئەھلىگە ۋاپاسىزلىق قىلغىنىدەك ۋاپاسىزلىق قىلىپتۇ، دېمەكچى بولدى.

بۇ ئىش شۇنداق سىر تۇتۇلغان بولسىمۇ، كىشىلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى سېزىپ قېلىشتى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ قورقۇنۇشلۇق، ئاجايىپ ۋەھىمىلىك يەنە بىر چوڭ خەۋپ-خەتەر كۆلەڭگۈسى پەيدا بولدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن قېيىن، جىددىي پەيتكە دۇچ كېلىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا سان-ساناقسىز دۈشمەن قوشۇنى چۈمۈلە كەبى مىغىلداپ تۇرۇۋاتقان، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارنى تاشلاپ قايتىپ كىرىش ئىمكانىيىتى بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەگەر بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى ئارقىدىن زەربە بېرىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسايدىغان ھېچقانداق مۇداپىئە توسۇقى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار ۋە بالىلار ئاشۇ ۋاپاسىز ئالدامچى مەككارلارغا يېقىن جايدا ھېچقانداق مۇداپىئەسىز ۋە مۇھاپىزەتچىسىز ھالەتتە قېلىپ قالغانىدى. قىسقىسى ئۇلار ئاللاھ: ﴿إۇْ جاۋوكم مّن فوْقكمْ ومنْ ۆسْفل مِنكمْ وإِۇْ زاغتْ الۆبْپار وبلغت الْقلوب الْچناجر وتئنّون بِاللھ الئّنونا○ھنالك ابْتلِي الْمۋْمنون وزلْزلوا زلْزالا شدِيدًا﴾ «ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار. بۇ يەردە مۇئمىنلەر سىنالغان ۋە (بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ قاتتىقلىقىدىن گويا ئۇلارنى يەر سىلكىگەندەك) قاتتىق تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ئىدى» (سۈرە ئەھزاب 10-11- ئايەتلەر) دەپ تەسۋىرلىگىنىدەك ئەھۋالدا قالغانىدى. بۇ چاغدا بەزى مۇناپىقلارنىڭ كېسىلى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىسى: «مۇھەممەد بىزگە كىسرا (ئىران پادىشاھلىقى) ۋە قەيسەر (رۇم پادىشاھلىقى)نىڭ خەزىينە يامبۇلىرىنى يەيدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ۋەدە بىرەتتى، ئەمدى بۈگۈن بىرىمىز قورقماي ھاجەتكىمۇ بارالمايدىغان بولدۇق»، دەپ جۆيلىسە، يەنە بەزىلىرى ئاممىنى ۋەھىمىگە سېلىپ: «ئۆيلىرىمىز دۈشمەنگە ئوچۇق قالدى، شۇڭا بىزنىڭ ئۆيىمىزگە چىقىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ كىرىشىمىزگە رۇخسەت قىلساڭ. چۈنكى، ئۆيلىرىمىز مەدىنىنىڭ خېلى سىرتدا»، دەپ قايتىشنى ئىلتىماس قىلدى. ھەتتا، بەنۇ سەلەمە ئايمىقى جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىش تەرەددۇتىنى قىلىپ يۈردى. بۇلار ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿وإۇ قالت طاېفە منھم يۆھل يڭرب لامقام لكم فارجىوا ج ويستۆۇن فريق منھم النبيّ يقولون إنّ بيوتنا ىورە ط وما ھي بىورە ج إن يّريدون الا فرارًا﴾ «ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە (دىللىرىدا مۇناپىقلىق كېسىلى بارلار): ‹ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن›،دېيىشەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم: ‹ئى يەسرەبلىكلەر! بۇ يەردە تۇرماي قايتىڭلار!› دېيىشەتتى. ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم: ‹بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوچۇقچىلىقتا›، دېيىشىپ، پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورىشاتتى. بۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئوچۇقچىلىقتا ئەمەس، ئۇلار پەقەت قېچىشنىلا ئويلايدۇ» (سۈرە ئەھزاب 12- 13-ئايەتلەر).

ئەمما، رەسۇلۇللاھ بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئەھدىنى بۇزۇپ ئەھزاب (كۆپ قەبىلە بىرلەشمە) قوشۇنىغا قوشۇلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان بېشىنى يۆگەپ بىردەم يېنى ياتتى، ھەتتا كىشىلەر ئارىسىدا ھەرخىل پىتنە-ئىغۋا ۋە غۇلغۇلىلار كۆپەيدى. ئاندىن بىر چاغدا ئۇنىڭدا بىر ئاز ئۈمىد تۇغۇلدى چېغى، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ: «ئاللاھۇئەكبەر (ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر)! ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! سىلەرگە ئاللاھنىڭ غەلىبە ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بىرىلدى»، دېدى. ئاندىن ئۇ ھازىرقى ئۆتكۈنچى ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە پىلان-تەدبىر تۈزۈشكە كىرىشتى ۋە مۇشۇ پىلاننىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە مەدىنىگە بىر مۇھاپىزەتچى قىسىم ئەۋەتىپ ئۇ يەردىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربىسىگە ئۇچراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى، لېكىن رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ئېيتقاندا چوقۇم كەسكىن بىر تەدبىر قوللىنىپ ئەھزاب (كوپ قەبىلە بىرلەشمە) قوشۇنىنى ئىچكى جەھەتتىن پارچىلاپ تاشلايدىغاننىڭ چارە-ئامالىنى ئىزلەش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ مۇشۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن غەتفان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئۇيەينە ئىبنى ھىسنى ۋە ھارس ئىبنى ئەۋفلەر بىلەن مەخپى ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ئۆز قوشۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىش بەدىلىگە مەدىنىنىڭ مېۋە-چېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تاپشۇرۇشقا كېلىشىم تۈزۈشنى ئويلىدى. شۇنداق قىلغاندا مۇسۇلمانلار قۇرەيش مۇشرىكلىرى بىلەنلا قالاتتى-دە، بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەسكە توختىمايتتى، چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت مادارىنى كۆپ قېتىم سىناپ كۆرگەن ۋە بىۋاستە ئېلىشىپمۇ باققان. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئويىنى سەئەد ئىبنى مەئاز بىلەن سەئەد ئىبنى ئۇبادىگە مەسلىھەت تەرىقىسىدە سالغانىدى، ئۇلار: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئەگەر بۇ ئاللاھ سېنى بۇيرۇغان ئىش بولسا، سۆزۈڭنى ئاڭلايمىز، شەرتسىز ئىتائەت قىلىمىز. ئەمما، ئۇ ئۆز پىكرىڭ بولسا بىز ئۇنىڭغا قېتىلمايمىز. چۈنكى، بىزلەر بۇت-ھەيكەللەرگە چوقۇنۇپ يۈرگەن مۇشرىك چاغلىرىمىزدا بۇ قەۋم ۋە بۇ خەلقلەر بىزنىڭ يەل-يېمىشلىرىمىزنى زىياپەت سورۇنلىرىدا ۋە ياكى پۇل ساناپ سېتىۋالغاندا ئاندىن يېيەلەيتتى. بولمىسا، ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيتتى. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئەمدى ئاللاھ بىزنى ئىسلام بىلەن ھۆرمەتلەپ ۋە ھىدايەت قىلىپ سەن ئارقىلىق بىزگە ئۆز-ئۆزېمىزنى قەدىرلەشنى بىلدۈرگەندە، ئۇلارغا بىز ماللىرىمىزنى تارتۇقلايمىزمۇ؟ ياق… ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارغا قىلىچلا بېرىمىز خالاس»، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھمۇ بۇ ئىككىيلەننىڭ پىكرىنى توغرا تېپىپ: «شۇنداق بۇ مېنىڭ ئۆز پىكرىم ئىدى، پۈتۈن ئەرەبلەر بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ سىلەرگە ھۇجۇم قوزغىغاچقا شۇنداقراق بىر ئامال قىلايلىمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم» دېدى ۋە بۇ ئويىدىنمۇ ۋاز كەچتى.

شۇنىڭدىن ئازغىنىدىن كېيىن ئاللاھۇ ئەززە ۋە جەللە ئۆز دەرگاھىدىن شۇنداق ئەپچىل، شۇنداق دانا بىر تەدبىرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەۋەتتىكى، ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەر توپى مات قىلىندى. بىرلىكى پارچىلاندى ئۇرۇش قىزغىنلىقى سوۋۇپ جەڭگىۋارلىقى يوقالدى.

ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇرۇنلاشتۇرۇشى مۇنداق بولدى: «غەتبان قەبىلىسىدىن نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد ئىبنى ئامىر ئەشجىئى ئىسىملىك بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن بۈگۈندىن ئېتىبارەن مۇسۇلمان بولدۇم. مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى خەلقىم تېخى ئۇقمايدۇ، شۇڭا مېنى ئۆزۈڭ خالاپ بىر ئىشقا بۇيرىغىن» دېدى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ: «ئۇنداق بولسا سەن بىر مۇھىم ئادەم. شۇڭا، سەن بىر ئىلاج قىلىپ دۈشمەننى چېكىندۈرۈشنىڭ ئامالىنى قىلغىن، چۈنكى جەڭ دېگەن ھىيلە-نەيرەڭ دېمەكتۇر»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن چىققانچە ئۇدۇل بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ قېشىغا باردى (ئۇ ئۆز ۋاقتىدا بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى بىلەن ئىجىل ئۈلپەت ئىدى) ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ:

— مېنىڭ سىلەر بىلەن بولغان دوستلۇقۇمنى، بولۇپمۇ مېنىڭ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنىڭ قۇيۇقلىقىنى بىلىسىلەر، شۇنداقمۇ؟— دېۋىدى، ئۇلار

— راست دەيسەن، زادى شۇنداق،— دېيىشتى. ئۇنداق بولسا، دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى نۇئەيىم:

— مۇنداق بىر ئىشنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ، بىلمەيمەن؟ قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئەھۋالى سىلەرنىڭكىگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ. يۇرت ماكان سىلەرنىڭ، مال-مۈلۈك، بالا-چاقا ۋە قىز-خوتۇنلىرىڭلار مۇشۇ يەردە. بۇ يەردىن باشقا جايغا كۆچۈپ كېتەلمەيسىلەر، قۇرەيشلەر بىلەن غەتفانلار مۇھەممەد (ئەلەيـھىسسالام) ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى يۇقاتماق ئۈچۈن كېلىۋىدى، سىلەر ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇپ ياردەم بەردىڭلار، قۇرەيش ۋە غەتبانلارنىڭ مال مۈلۈك، بالا-چاقا، يۇرت- ماكانلىرى، يىراق-يىراق جايلاردا قالدى. ئۇلار ھازىر پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، تەلەي كەلسىغۇ-كەلدى، ناۋادا كەلمەي قالسا ئۇلار سىلەرنى مۇھەممەدكە تاشلاپ بېرىپ يۇرت-ماكانلىرىغا تىكىۋېتىدۇ-دە، ئاندىن مۇھەممەد ئىنتىقامىنى سىلەردىن ئالىدۇ،— دېۋىدى، يەھۇدىيلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ ئالاق-جالاق بولۇشۇپ:

— ئى نۇئەيم! سېنىڭچە بىز قانداق قىلىمىز؟— دەپ تەقەززالىق بىلەن سوراشتى. شۇنىڭ بىلەن نۇئەيم ئۇلارغا:

— مېنىڭچە، قۇرەيشلەر سىلەرگە رەنە قويمىغۇچە ئۇرۇشقا قاتناشماڭلار، دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى، ئۇلار:

— ناھايىتى دانا يول كۆرسەتتىڭ،— دەپ شۆلگەيلىرى ئېقىپ كېتىشتى. نۇئەيىم بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ قېشىدىن چىقىپ ئۇدۇل قۇرەيش دائىرلىرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارغا كۆيۈنگەن قىياپەتتە:

— مېنىڭ سىلەرگە بولغان دوستلۇقۇمنى ۋە سەمىمىي ساداقىتىمنى ئوبدان بىلىسىلەر، شۇنداقمۇ؟— دىگەنىدى، ئۇلار:

— ئەلۋەتتە شۇنداق،— دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ:

— مۇنداق ئىش، بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىلەن بولغان ئەھدىلىرىنى بۇزغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشىپ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن نۇپۇزلۇق كىشىلىرىڭلاردىن بىر قانچەيلەننى رەنىگە ئېلىپ مۇھەممەدكە تۇتۇپ بېرىپ، بۇزۇلغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېلىشقا پۈتۈشۈپتۇ. شۇڭا، ئۇلار تەرەپتىن ئەلچى كېلىپ رەنە سورىسا ئالدىراپ بېرىپ قويماڭلار!— دەپ قويدى ئاندىن بۇ يەردىن چىقىپ غەتفان قەبىلىسىنىڭ كاتتىۋاشلىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلارغىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر گەپلەرنى دېدى.

ئەتىسى شەنبە (يەنى ھىجرىيىنىڭ 5- يىلى شەۋۋالنىڭ مەلۇم بىر كۈنى) ئاخشىمى گۇگۇم چۈشۈۋىدى، قۇرەيشلەر قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ: «بىز بۇ جايدا تۇرۇۋېرەلمەيمىز، چۈنكى ئۇلاغلىرىمىز ئۆلۈپ كېتىشكە باشلىدى. ئۆتۈك-ئاياغلىرىمىز يىرتىلىشقا باشلىدى. شۇڭا، بۈگۈن ھەرىكەتكە كەلسەڭلار مۇھەممەد بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىپ بىر تەرەپ بولايلى»، دېدى. بۇنىڭغا قارىتا يەھۇدىيلار جاۋاپ قايتۇرۇپ: «بۈگۈن كۈنگە شەنبە، سىلەر بىلىسىلەر بۇرۇن بىز خەلقتىن شەنبە كۈنىدە ئىش چىقارغانلارنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كەلمىدى؟ ئۇنداق بولمىغاندىمۇ سىلەر بىزگە مۇھىم كىشىلىرىڭلارنى رەنىگە قويمىغۇچە سىلەر بىلەن بىرگە جەڭگە قاتنىشالمايمىز»، دەپ شەرت قويدى. ئەلچىلەر يەھۇدىيلارنىڭ بەرگەن جاۋابىنى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلىرىنى ئېلىپ كېلىۋىدى، قۇرەيش ۋە غەتفان دائىرلىرى: «ئەزبىرايى خۇدا، نۇئەيم بىزگە راست ئېيتىپتىكەن»، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەھۇدىيلارغا قايتا ئەلچى ئەۋەتىپ: «ئەزبىرايى خۇدا بىز سىلەرگە بىرمۇ ئادەمنى رەنىگە قويمايمىز، لېكىن سىلەر توپلىنىپ كەلسەڭلار مۇھەممەد بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىپ بىر تەرەپ بولساق»، دېدى. بۇنى ئاڭلىغان قۇرەيزە تەرەپ: «ئەزبىرايى خۇدا، نۇئەيم راست ئېيتىپتىكەن»، دىيىشىپ قالدى. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىپ قالدى. بۆلۈنۈش ۋە ئىختىلاپلار دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدە كەڭ كۆلەمدە يامراپ كەتتى. مۇشرىكلارنىڭ ئىرادىسى بوشاپ، جەڭ قىزغىنلىقى سوۋۇشقا باشلىدى. مۇسۇلمانلار ئاللاھقا دۇئا قىلىپ: «ئى ئاللاھ! ئەيىبىمىزنى ياپقىن، قورقۇنچىمىزنى كۆتۈرۈۋەتكىن»، دەپ ئىلتىجا قىلاتتى ۋە ئەھزاب (بىرلەشمە) قوشۇنىغا قارىتا رەسۇلۇللاھ ئالايىتەن دۇئا قىلىپ: «ئى ئاللاھ! كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلغۇچى ئى ئاللاھ! ھېسابنى تېز ئالغۇچى ئاللاھ! ئەھزاب قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغىن، ئى ئاللاھ! ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تەۋرىنىش سالغىن»، دەپ تىلەيتتى.

ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ ۋە مۇئمىن مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئاسىنى ھەقىقەتەن ئىجابەت قىلدى. مۇشرىكلار سېپىگە تەپرىقە ۋە زىددىيەت ئۇچقۇنى تۇتۇشۇپ، ئۆزئارا پارچىلىنىش تېزلەشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ ئۇلارغا شامال-بوراندىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ غايىب قوشۇنىنى ئەۋەتىپ، شىددەتلىك بوران-چاپقۇن ئۇلارنىڭ چېدىر-بارىگاھىنى ئۆرۈپ تاشلاپ، قازان-قومۇچلىرىنى دۇم كۆمتۈرۈۋەتتى. تاناپ ئارقانلىرىنى ئۈزۈپ، ئۇلارنىڭ چىدىر-بارىگاھلىرىنى قۇرۇپ تۇرۇشقا ئىمكانىيەت قويمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھ ئۇلارغا پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىپ، قەلبلىرىگە قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە سالدى.

رەسۇلۇللاھ سوغۇق قاتتىق بولغان ئاشۇ بىر كېچىسى دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ كېلىش ئۈچۈن ھۇزەيفە ئىبنى يەمانىينى ئەۋەتكەنىدى، ئۇ بېرىپ دۈشمەننىڭ ناھايىتى بىئاراملىق ئىچىدە قايتىش تەييارلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال قايتىپ كېلىپ، رەسۇلۇللاھنى ۋاقىپلاندۇرۇۋىدى، ئۇ بۇ خەۋەردىن ئىنتايىن خۇشنۇد بولغان ھالدا كېچىنى بىدار ئۆتكۈزدى. ئەتىسى ئەتىگەن قارىسا ئاللاھ دۈشمەنلەرنى ھېچقانداق نەتىجىسىزلا كەلگەن يولى بىلەن قايتۇرۇۋېتىپتۇ. رەسۇلۇللاھنى قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلاپتۇ.

دېمەك ئاللاھ ئۆز ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىلاھىي قوشۇنىنى غالىب قىلدى. بەندىسى (مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ)قا ياردەم قىلدى. ئەھزاب قوشۇنىنى ئۆزى يالغۇز تارمار قىلدى. نەتىجىدە، پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام غەمدىن خالاس بولۇپ، مەدىنىگە قايتتى.

ئەھزاب ئۇرۇشى (سەھىھ رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا) ھىجرىيىنىڭ 5- يىلى شەۋۋالدا يۈز بەرگەن. مۇشرىكلار مۇسۇلمانلارنى بىر يېرىم ئاي چامىسىدا مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇرغان. تارىخى مەنبەلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە، مۇھاسىرە شۇ يىلى شەۋۋالدا باشلىنىپ، زۇلقەئدىدە ئاخىرلاشقان. ئىبنى سەئەدنىڭ رىۋايىتىدە، رەسۇلۇللاھ خەندەك جەڭ مەيدانىدىن زۇلقەئدىنىڭ 23- كۈنى چارشەنبە قايتىپ كىرگەن، دېيىلگەن.

دېمەك، ئەھزاب ئۇرۇشىدا قانلىق ئۇرۇش بولمىغانىدى. لېكىن، ئۇ ئىنتايىن كەسكىن بىر مەيدان سىياسىي ئۇرۇش بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تىلغا ئالغۇدەك ئۆلۈش-ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن. لېكىن، ئۇ ئىسلام تارىخىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنى قايتا بىرلىشەلمەسلىككە پارچىلاپ تاشلىۋەتكەن، «ئەرەب قوراللىق كۈچلىرىدىن ھېچقانداق بىر كۈچ مەدىنىدىكى بۇ يۇمران كۆچەتنى يۇلۇپ تاشلاشقا قەتئىي قادىر بولالمايدۇ»، دېگەننى ئۇقتۇرغان ئەڭ ھەل قىلغۇچ، ئەڭ غەلىبىلىك بىر مەيدان جەڭ بولغانىدى. چۈنكى، ئەرەبلەر ھەر قانچە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتسىمۇ، ئەھزاب قوشۇنىدىن كۆپ ئىككىنچى بىر قوشۇننى قايتا تەشكىللىيەلمەيتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئەھزاب قوشۇنى چېكىنگەندە: «ئەمدى بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىمىز، ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلالمايدۇ، بىز قوشۇن تارتىپ بارىمىز، ئۇلار قوشۇن تارتىپ كېلەلمەيدۇ»، دېگەن.

بەنى قۇرەيزە غازىتى

ئىسلام قوشۇنى مەدىنىگە قايتىپ كىرگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇممۇ سەلىمە (مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى)نىڭ ئۆيىدە يۇيۇنۇۋاتاتتى. جىبرىئىل ئەلەيـھىسسالام كېلىپ: «(ئى مۇھەممەد!) قورال-ياراقلىرىڭىزنى قويدىڭىزمۇ؟ پەرىشتە-مەلائىكىلەر تېخى ياراقلىرىنى قويغىنى يوق، مەن ھازىر شۇ (مۇشرىك)لارنى قوغلاپ زەربە بېرىپ كېلىشىم، شۇڭا سىز دەرھال مۇسۇلمانلارنى باشلاپ بەنى قۇرەيزەگە يۈرۈش قىلىڭ، مەن ئالدىڭىزدا بېرىپ ئۇلارنىڭ قورغان-قەلئەلىرى ئىچىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، دىللىرىغا قورقۇنچ-ۋەھىمە سېلىپ تۇرىمەن»، دېدى ۋە ئۆز قوشۇنىنى، يەنى پەرىشتىلەرنى باشلاپ يۈرۈپ كەتتى.

شۇڭا، رەسۇلۇللاھ پەرمان چىقىرىپ: «كىمكى ‹ئاڭلىق ۋە ئىتائەتمەن مۇسۇلمانمەن›، دەيدىكەن، ناماز ئەسىر (ناماز دىگەر)نى بەنى قۇرەيزە مەھەللىسىدە ئوقۇسۇن» دېدى ئاندىن ئەلەمنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبقا تۇتقۇزۇپ، بەنى قۇرەيزىگە ئالدىن ماڭدۇرۇۋەتتى. مەدىنىدە ئۆز ئورنىغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنى قالدۇردى. ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب بىر بۆلۈك قوشۇن بىلەن ئاتلىنىپ ئۇلارنىڭ قەلئەسىگە يېقىن بىر جايغا كېىلپ چۈشۈۋىدى ئۇلار تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەيدىغان قەبىھ تىل-ئاھانەتلەر ئاڭلاندى.

ئارقىدىنلا رەسۇلۇللاھ مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇننى باشلاپ بەنى قۇرەيزە مەھەللىسىگە يېتىپ چىقىپ، شۇ تەۋەلىكتىكى « ئا׳نا (ىانا) » دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇدۇق بويىغا چۈشتى. بۇ قېتىم مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ پەرمانىنى بىجا كەلتۈرۈشكە ھەقىقەتەن ئالدىرىغانىدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ جەڭ چاقىرىقىنى ئاڭلىغان ھامان ھېچنېمىگە قارىماي دەرھال قۇرەيزە تەرەپكە قاراپ ئاقتى. ھەتتا بىر بۆلۈك كىشىلەر ناماز ئەسىرنىڭ ۋاقتى يول ئۈستىدە كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلار: «ئەسىر نامىزىنى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بەنى قۇرەيزىدە ئوقۇشىمىز كىرەك»، دەپ داۋاملىق يول يۈرۈپ، ئاخىرى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئاندىن ئوقۇدى. يەنە بەزىلەر: «رەسۇلۇللاھنىڭ دېمەكچى بولغىنى بۇ ئەمەس ئۇ پەقەت تېز يېتىپ چىقىشنى، ھەرگىز سەل قارىماسلىقنى مەقسەت قىلغان» دېيىشىپ نامازلىرىنى ۋاقتىدا ئوقۇپ ماڭدى رەسۇلۇللاھ بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئەيىپكە بۇيرىمىدى.

مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئىسلام قوشۇنى توپ-توپ بولۇپ ئاتلىنىپ، رەسۇلۇلاھ بىلەن بەنى قۇرەيزە مەھەللىسىدە ئۇچراشتى. ئۇلارنىڭ سانى ئۈچ مىڭگە يېتەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتلىقلار ئوتتۇز ئىدى. قوشۇن يېتىپ كەلگەنىدىن كېيىن بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى قەلئەدىن چۈشۈشكە قىستاپ ئۇلارنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئالدى.

مۇھاسىرە راسا كۈچەيتىلگەنىدىن كېيىن يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋېشى كەئەب ئىبنى ئەسەد ئۇلارنى سەھنىگە يىغىپ ئۈچ خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرى: «تەسلىم بولۇش ۋە ھەممەيلەن بىرلىكتە مۇھەممەدنىڭ دىنىغا كىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ قېلىش (ئۇ كۆپچىلىككە خىزمەت ئىشلەپ مۇنداق دېدى: «ئى خالايىق، ئەزبرايى خۇدا، سىلەرگە ئايدىڭ بولدىكى، مۇھەممەد راستلا مۇرسەل (ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن) پەيغەمبەر ئىكەن. كىتاۋىمىز (تەۋراتتا)دا تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەر چوقۇم مۇشۇ كىشى ئىكەن). ئىككىنچى: ئۇلار خوتۇن بالا-چاقىلىرىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋېتىپ، ھېچنېمىگە تارتىشماي مەيدانغا چۈشۈپ مۇھەممەد بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىپ بىر تەرەپ بولۇش، شۇنداق قىلغاندا ئۇلار ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ ياكى ئارمانسىز تۈگىشىدۇ. ئۈچىنچى بىرسى: مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىز (يەھۇدىيلار)نىڭ شەنبە كۈنى ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا بۈگۈنكى كۈندە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ بۇ كۈننىڭ شەرىپىدىن (سۈيئىستېمال قىلىپ) ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش».

بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى كەئەب ئىبنى ئەسەد ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ خىل تەكلىپنىڭ ھېچقايسىسىگە رايى بارماي جىم تۇرۇشتى. بۇ چاغدا كەئەب قاتتىق دەرغەزەپ بولۇپ: «سىلەرنىڭ ھېچ بىرىڭلار ئانىسىنىڭ قوسىقىدىن چۈشكەندىن بىرى بىر كۈنمۇ ئەقلى-ھۇشى بىلەن ياشىماپتۇ»، دېدى.

يەھۇدىيلار مەزكۇر ئۈچ خىل تەكلىپنىڭ ھېچقايسىسىغا رايى بارمىغاندىن كېيىن، ئۇلارغا قورال تاشلاپ قەلئەدىن چۈشۈپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتمەكتىن باشقا يول قالمىغانىدى. بىراق، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولۇپ قەلئەدىن چۈشكەندە قانداق ئىش بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئۇقۇپ بېقىش مەقسىتىدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى سابىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقماقچى بولدى. شۇڭا ئۇلار رەسۇلۇللاھقا: «بىزگە ئەبۇ لوبابىنى ئەۋەتسەڭ، ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىۋالساق»، دەپ ئەلچى كىرگۈزدى. ئەبۇلۇبابە بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىتتىپاقدىشى ئىدى. ئۇنىڭ مال-مۈلۈك ۋە بالا چاقىلىرى شۇلارنىڭ تەۋەلىكىدە تۇراتتى، يەھۇدىيلار ئەبۇ لۇبابىنى كۆرۈپ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. ئاياللار ۋەبالىلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يىغلاپ، پۇت-قوللىرىغا ئېسىلىپ، قاتتىق تەڭلىككە سالدى. ئاخىرى ئۇنىڭ دىلى بۇ يىغا-زاردىن ئېرىپ كەتتى چېغى، ئۇلار: «ئى ئەبۇلۇبابە، سېنىڭچە بىز مۇھەممەدنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا رازى بولساق بولامدۇ؟» دەپ سورىغانىدى، ئەبۇلوبانە: «بولىدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكۈمىگە رازى بولساڭلار، مانا مۇنداق بولىدۇ»، دەپ ئۆزىنىڭ بوغۇزىغا ئىشارەت قىلدى. بۇ ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سىلەرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدۇ، دېگىنى ئىدى. شۇئان ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ سالغانلىقىنى سېزىپ خىجالەتتىن رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا قايتماي ئۇدۇل مەدىنىگە كىرىپ كەتتى ۋە مەسچىتۇننەبەۋىگە كىرىپ ئۆزىنى بىر تۈۋرۈككە مەھكەم باغلاپ ئۇنى رەسۇلۇللاھ ئۆز قولى بىلەن يەشمىگۈچە ئۆز ئۆزىنى يەشمەسلىككە ۋە قۇرەيزە زېمىنىغا ئەبەدى قەدەم باسماسلىققا قەسەم قىلدى.

رەسۇلۇللاھ ئۇنى كېچىكىپ قالدى، دەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ خەۋىرىنى مەدىنىدىن ئاڭلاپ: «ئۇ ئۇدۇل مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە مەغپىرەت تىلەيتتىم، لېكىن ئۇ قىلىدىغىنىنى قىلىپ بولۇپتۇ، ئەمدى ئۇنىڭغا ئاللاھ تەۋبە ئاتا قىلمىغىچە، مەن يەشمەيمەن»، دېدى. قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى ئەبۇ لۇبابنىڭ ئىشارىتىگىمۇ دىققەت قىلماي، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىر كۆرۈپ باقماق ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۆكۈمىگە رازى بولۇشىنى قارار قىلىشتى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ قەلئە-قورغانلىرى ئازادە ھەم پۇختا، ھەم مۇستەھكەم بولۇپ، سۇ، ئاش-ئوزۇقلار شۇنىڭ ئىچىدە بولغاچقا خېلى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇھاسىرىگىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيتتى. ئەكسىچە مۇسۇلمانلار ئەھزاب (دۈشمەن ئىتتىپاقداش قوشۇنى) ئۇرۇشى باشلانغاندىن بېرى ئىزچىل دالادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولغاچقا، قەھرىتان سوغۇق ۋە ئاچلىق دەردىدىن ھالسىرىماقتا ئىدى.

بىراق، بەنى قۇرەيزە ئۇرۇشىمۇ يەنىلا ئىدىيىۋى سىياسىي ئۇرۇش بولغان بولغاچقا، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە سېلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىرادىسى ئاللىقاچان بوشاپ يىمىرىلىپ بولغانىدى. ھەتتا، ئۇلارنىڭ روھى شۇ دەرىجىدە چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنىدىكى، مۇسۇلمانلاردىن ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب بىلەن زۇبەير ئىبنى ئاۋام قوشۇن ئالدىغا ئۆتۈپ: «ئى ئىمان قوشۇنى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن تاغام ھەمزە تېتىغان ئۆلۈم شارابنى تېتىيمەن ياكى ئۇلارنىڭ قەلئەسىنى فەتىھ قىلىمەن»، دەپ، قەسەم ياد بىلدۈرگەنىدى، يەھۇدىيلار بۇنى ئاڭلاپ دەرھال رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا رازى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قورال تاشلاپ قەلئەدىن چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنى تولۇق نەزەربەنتكە ئېلىشقا بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئايرىلىپ مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ نازارەتچىلىكىدە ھەممىسىنىڭ پۇت-قوللىرىغا ئارغامچا كىشەن سېلىندى. ئاياللار ۋە بالىلار ئەرلەردىن ئايرىۋېتىلدى.

بۇ چاغدا ئەۋس قەبىلىسىنىڭ جامائەتلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! قەينۇقا يەھۇدىيلىرى قېرىنداش قەبىلە خەزرەجىلەرنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى. ئۇلارغىمۇ مۇۋاپىق جازا قوللانغانىدىڭ، بۇلار بولسا بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئىدى. بۇلارغىمۇ بەك ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلمىساڭ»، دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق بولسا بۇ ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىڭلاردىن بىر كىشى چىقارسا رازى بولامسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «ئەلۋەتتە رازى بولىمىز»، دېيىشتى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا ئۇ ھۆكۈمنى سەئەد ئىبنى مەئازغا قالدۇررايلى»، دېدى. ئۇلارمۇ رازى بولۇپ شۇنداق قىلايلى سەئەد ھۆكۈم چىقارسا رازىمىز» دېيىشتى.

شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەئەد ئىبنى مەئازغا ئۇنى ئالغىلى ئادەم ئەۋەتتى. ئەسلىدە سەئەدنىڭ ئەھزاب ئۇرۇشىدا يارىلانغان جاراھىتى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن قۇرەيزە ئۇرۇشىغا چىقالمىغانىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەۋتكەن ئادەم سەئەدنى ئېشەككە مىندۈرۈپ ئېلىپ كەلگەنىدى، سەئەد رەسۇلۇللاھنىڭ بارىگاھىغا كەلگىچە ئۇنىڭ قەۋمى-جامائەتلىرى ئۇنى يول ئۈستىدە توسىۋېلىپ: «ئى سەئەد، ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا ياخشىلىق قىلغىن، دوستلىرىمىزغا ياخشىلىق قىلغىن، رەسۇلۇللاھ سېنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ ھۆكۈم چىقارسۇن ئۈچۈن، بۇ ھوقۇقنى ساڭا بەردى»، دېيىشتى. سەئەد ئۇلارغا لام-جىم دېمەي كېتىۋاتاتتى، ئۇلار سەئەدكە كۆپ يالۋۇرۇپ كېتىشتى، سەئەد: «مەن سەئەدكە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىشتا ھېچ كىشىنىڭ تاپا-تەنىسىدىن قورقماسلىقنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى»، دەپ قويدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سەئەدنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ: «مەدىنىگە قايتىپ جامائەتچىلىككە قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزدى».

سەئەد رەسۇلۇللاھنىڭ بارىگاھىغا يېقىنلاپ كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە: «باشلىقىڭلار ئۈچۈن ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار»، دېدى. ئۇلار سەئەدنى چۈشۈرۈپ: «ئى سەئەد! بۇ قەۋملەر سېنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭغا ماقۇل بولۇشتى»، دېگەنىدى، سەئەد: «ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارسام راستىنلا كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟» دەپ سورىدى، ئۇلار: «ھەئە»، دەپ جاۋاب بېرىشىۋىدى، سەئەد يەنە: «مۇسۇلمانلارغىچۇ؟ دەپ سورىدى. كىشىلەر: «بىزگىمۇ شۇنداق»، دېۋىدى، ئۇ: «بۇ يەردىكىلەرگىچۇ»، دېدى (رەسۇلۇللاھ بار تەرەپنى كۆرسىتىپ). رەسۇلۇللاھ بۇنى چۈشىنىپ: «ماڭىمۇ شۇنداق»، دېدى. سەئەد: «ئۇنداق بولسا مەن ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە، ئاياللىرىنى ۋە بالىلىرىنى ئەسىر ئېلىپ قۇل قىلىشقا، مال-مۈلۈك ئۆي-زېمىنلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ غەنىمەت ئېلىشقا، ھۆكۈم قىلىمەن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىدىن سۆيۈنۈپ: «ئى سەئەد! سەن ئۇلار ئۈستىدىن يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئوخشاش ھۆكۈم چىقاردىڭ»، دېدى.

سەئەد ئىبنى مەئازنىڭ بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمى ئىنتايىن ئادىل، ئۆز جايىدا ئىنساپ بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈمنامە بولغانىدى. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا قاتمۇقات ئېغىرچىلىقلار يۈزلەنگەن قىيىن پەيتتە مۇسۇلمانلاردىن نومۇسسىزلارچە يۈز ئۆرۈپ كېلىشىمنى بۇزۇپ دۈشمەن تەرەپكە ئۆتىۋالدى. يەنە بىر جەھەتتىن يوشۇرۇن ھەرىكەت پىلانلاپ مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن بىر مىڭ بەش يۈز دانە قىلىچ، ئىككى مىڭ دانە نەيزە، ئۈچ مىڭ دانە ساۋۇت ۋە بەش يۈز دانە دوبۇلغا قاتارلىق ھەربىي ھازىرلىقلارنى تەييارلىغانىكەن. ئۇلار تەسلىم بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار بۇ ئەسلىھەلەرنى تولۇق يىغىۋالدى.

ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى بەنى نەججار ئايمىقىدىن بىنتى ھارس دېيىلىدىغان بىر خوتۇننىڭ قورۇسىغا قاماپ قويۇشقا بۇيرىدى ۋە مەدىنە بازىرىغا ئورا-خەندەك كولاتقۇزدى. ئاندىن پەرمان قىلىپ ئۇلارنى بۆلەك-بۆلەكلەرگە بۆلۈپ مەدىنىگە يالاپ ئېلىپ كېلىپ قىلىچ بىلەن بېشى ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاكۇپ-گوداڭلارغا دومىلىتىۋېتىلدى.

تېخىغىچە ئۆلۈم نۆۋىتىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بەزى يەھۇدىيلار باشلىقى كەئەب ئىبنى ئەسەدتىن: «سېنىڭچە بىزنى قانداق قىلىدىغاندۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. بۇ چاغدا كەئەب ناھايىتى ئاچچىقلانغان ھالدا: «ھەي… سىلەرنى، ھەمىشە بىلمەس بولىۋالامسىلەر؟ قاراڭلار توۋلاۋاتقانلار جىمىپ قېلىۋاتىدۇ، كەتكەنلەر كەلمەيۋاتىدۇ، ئۇ (يەنى، سىلەرگە قىلىنىدىغىنى ئاللاھ بىلەن قەسەم) ئۆلۈم»، دەپ جاۋاب بەردى. بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى 600 دىن 700گە قەدەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئۆلتۈرۈلدى.

خوش، مانا مۇشۇنداق قىلىپ سۇيىقەسىت، ئالدامچىلىق ۋە خىيانەتكارلىقنىڭ يىلان-چايانلىرى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلاندى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىيىن سائەت-مىنۇتلاردا ئوتتۇرىدىكى ناھايىتى پۇختا تۈزۈلگەن ئەھدى-پەيمانلارنى يىرتىپ تاشلاپ ئەھزاب (دۇشمەن ئىتىپاقداش) قوشۇنىغا سېتىلغان بەدبەخلەردۇر. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا تېگىشلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئاساسلىق كاتتىۋاشلىرى بولۇپ قالغانىدى.

ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار ئىچىدە بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ باش ھازازۇل شەيتىنى ۋە ئەھزاب ئۇرۇشىنىڭ باش جىنايەتچىسى (سەفىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاتسى) ھۇيەي ئىبنى ئەختەپمۇ خەندەك بويىغا يالاپ ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئەھزاب ئۇرۇشى مەزگىلىدە بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كەئەب ئىبنى ئەسەدنى رەسۇلۇللاھقا ۋاپاسىزلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكىلى كېچىلەپ كەلگەندە ئۇنىڭغا بەرگەن: «ناۋادا قۇرەيش ۋە غەتپانلار مۇھەممەدنى يوقۇتالماي قايتىپ كېتىپ قالسا، مەن سەن بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولىمەن»، دېگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن بۇلارنىڭ قورغىنىغا كىرىپ مۆكۈنۈۋالغانىدى. ئۇنى قولى گەجگىسىگە ئارقان بىلەن باغلاقلىق ھالدا جازا مەيدانغا يالاپ ئېلىپ كېلىنىۋىدى (ئۇنىڭ ئۈستىدە مۇسۇلمانلارغا ئەن ھالدا ئولجا چۈشۈپ قالمىسۇن ئۈچۈن بارماقتەكتىن قىلىپ پارچە-پارچە يىرتىۋېتىلگەن قىممەت پۇللۇق بىر يۈرۈش كىيىمىمۇ بار ئىدى)، ئۇ رەسۇلۇللاھقا: «ئى مۇھەممەد! بىلىپ قالغىنكى، مەن ھەرگىز سەن بىلەن ئاداۋەتلەشكىنىمگە پۇشايمان قىلمايمەن، لېكىن كىمكى ئاللاھ بىلەن كۈچ سىناشسا ئۇ چوقۇم ئۆزى مەغلۇب بولىدىكەن»، دېدى. ئاندىن يەنە: «ئى خالايىق! كېرەك يوق، خۇدانىڭ بۇيرۇغىنى شۇ ئوخشايدۇ، بۇ پىشانىگە پۈتۈلگەن تەقدىر ۋە ئاللاھ بەنى ئىسرائىلغا پۈتكەن رەسۋاچىلىق، بۇنىڭغا نە چارە؟» دېدى-دە، خەندەك لىۋىدە لەسسىدە ئولتۇرىۋىدى، گاچ قىلىپ چۈشكەن ئۆتكۈر شەمشەر بىلەن تەڭ ئۇنىڭ بېشى ئورەككە دومىلاپ چۈشتى.

يەھۇدىي ئاياللىرىدىن بىرسى شۇ ئارىدا خەللاد ئىبنى سۇۋەيد (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نىڭ ئۈستىگە قەلئەدىن تاش تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇمۇ قىساس ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

رەسۇلۇللاھ قۇرەيزە يەھۇدىي بالىلىرىدىن ئەۋرىتىگە تۈك چىققانلارنى ئۆلتۈرۈشكە، تۈك چىقمىغانلارنى قالدۇرۇشقا بۇيرىغانىدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە تۈك ئۈنمىگەنلىكتىن قالدۇرۇلغانلار ئىچىدە ئەتىيەتۇلقۇرەيزىمۇ بار بولۇپ، ئۇ كېيىن مۇسۇلمان بولغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆھبىتىگە نائىل بولغان.

سابىت ئىبنى قەيس يەھۇدىي ئەسىرلىرىدىن زۇبەير ئىبنى باتانى ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقا مال-مۇلۇكلىرىنى رەسۇلۇللاھتىن تىلىگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى شۇنىڭغا ھەدىيە قىلدى (چۈنكى زۇبەيرنىڭ سابىتقا قىلغان مەلۇم بىر ياخشىلىقى بار ئىدى). شۇنىڭ بىلەن سابىت ئىبنى قەيىس زۇبەيرگە: «رەسۇلۇللاھ ماڭا سېنى ۋە سېنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتىڭنى ھەدىيە قىلىۋەتتى، ئەمدى ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ئۆزۈڭنىڭ بولۇپ قالسۇن»، دېگەنىدى. زۇبەير ئىبنى باتا ئۆز قەۋمىنىڭ بىر پۈتۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقۇپ: «ئى سابىت، مېنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ساڭا قىلغان ياخشىلىقىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مېنى دوستلىرىمغا قېتىۋەتسەڭ»، دەپ تۇرۇۋالدى، شۇڭا ئۇنىمۇ دوستلىرىغا قېتىپ جەھەننەمگە يولغا سېلىۋېتىلدى. سابىت ئىبنى قەيس زۇبەيرنىڭ بالىلىرىدىن ئابدۇرەھمان ئىبنى زۇبەيرنى ئېلىپ قالغانىدى، ئۇ كېيىن مۇسۇلمان بولۇپ ياخشى ساھابىلەردىن بولۇپ كەتتى.

يەنە مۇسۇلمانلاردىن ئوممى مۇنزىر(تولۇق ئىسىمى سەلما بىنتى قەيىس بەنى نەججار ئايمىقىدىن) دېگەن خوتۇن رىپائە ئىبنى سەمۋال قۇرەيزىنى رەسۇلۇللاھدىن تىلىۋالغانىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۇممى مۇنزىرگە ھەدىيە قىلىۋەتتى، شۇڭا ئۇمۇ ھايات قالدى ۋە كېيىن مۇسۇلمان بولۇپ ياخشى سۆھبەتكە نائىل بولدى.

يەھۇدىيلار تەسلىم بولۇپ قەلئەدىن تۆۋەن چۈشۈشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى ئۇلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر مۇسۇلمان بولغانىدى، ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى بىخەتەر ساقلاپ قالدى. شۇ كېچىسى يەنە ئەمرى ئىسىملىك بىرسى (ئۇ يەھۇدىيلار رەسۇلۇللاھ بىلەن بولغان ئەھىدىنى بۇزغاندا بىتەرەپ تۇرغان ئىدى) قەلئەدىن چىقىپ بىر ياققا راۋان بولغاندا، مۇسۇلمانلار چارلىغۇچى قىسمىنىڭ باش قوماندانى مۇھەممەد ئىبى مەسلەمە ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، سالاھىيتىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن قويۇۋەتتى. كېيىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيـھىسسالام يەھۇدىي ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ماللىرىنى بىر تەرەپ قىلدى، غەنىمەتلەرنىڭ بەش ھەسىسىدىن بىر ھەسسىسىنى ئايرىۋالغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا بۆلۈپ بەردى، نەتىجىدە ئاتلىقلارغا ئۈچ ئۆلۈش، ئۇنىڭ ئىككى ئۆلۈشى ئاتقا، بىر ئۆلۈشى ئات ئىگىسىگە بېرىلدى. پىيادىلەر ئۈچۈن بىر ئۆلۈشلا تەقسىم قىلدى، ئەسىرلەردىن بىر بۆلۈكىنى سەئەد ئىبنى زەيىد ئەنسارىنىڭ يىتەكچىلىكىدە نەجدە بازىرىغا ئەۋەتىپ ساتتۇرۇپ پۇلىغا ئات ۋە ھەربىي قورال-ياراقلارنى سېتىۋالدى.

رەسۇلۇللاھ قۇرەيزە ئاياللىرىدىن رەيھانە بىنتى ئەمرى(ئىبنى قەيس)نى ئۆزىگە تاللىۋالغانىدى، ئۇ تاكى رەسۇلۇللاھ ۋاپات تاپقاندا قەدەر رەسۇلۇللاھنىڭ قول ئىلكىدە تۇردى. بۇنى ئىبنى ئىسھاق رىۋايەت قىلدى. ئەمما، كەلبىنىڭ رىۋايىتىدە: «رەسۇلۇللاھ ئۇنى ھىجىرىينىڭ 6- يىلى ئازات قىلىۋېتىپ ئەمرىگە ئالغان ۋە رەسۇلۇللاھ ھەججەتۇلۋىدائدىن قايتىقان كۈنلەردە ۋاپات قىلىپ كېتىپ بەقىئ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان»، دېيىلگەن.

خۇش… شۇنداق قىلىپ قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئىشلىرى بىر قۇر ئاياغلاشقان كۈنلەردە سالىھ (ياخشى) بەندە سەئەد ئىبنى مەئازنىڭ (ئەھزاب غازىتىدا زىكرى قىلىنغان) دۇئاسى ئىجاۋەت بولدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى پات-پات يوقلاپ كۆزدىن كۆچۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن مەسچىت ئىچىگە بىر چېدىر تەييارلاپ بەرگەنىدى، قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئىشلىرى تامام بولغان ھامان، ئۇنىڭ جاراھىتى ئېغىز ئېلىپ توختىماي قاناشقا باشلىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ئوق قان تومۇرى تېشىلگەن بولۇپ، مەسچىت ئەھلى (مەسجىددە بەنى غىفار كەنتىدىن بىر قانچە چېدىرلىق كىشىلەر بار ئىدى)نى قوشنا چېدىردىكىلەرنىڭ: «ئى ئەھلى چېدىرلەر! بۇ تەرەپكە ئېقىپ كىرگىنى نېمە قان ئۇ؟» دەپ سۈرۈشتە قىلغانلىقى چۆچۈتىۋەتتى. ئەسلىدە سەئەدنىڭ جاراھىتى يىرىڭداپ قاناپ كەتكەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. سەھىھۇلبۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەھمان (ناھايىتى مېھرى شەپقەتلىك ئاللاھۇ تائالا)نىڭ ئەرشى سەئەد ئىبنى مەئازنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن تەۋرىنىپ كەتتى». ئىمام تىرمىزى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «سەئىد ئىبنى مەئازنىڭ جىنازىسى ئېلىپ مېڭىلىۋىدى، مۇناپىقلار: «سەئىدنىڭ جىنازىسى ئەجەپ يېنىكقۇ؟» دېيىشتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ»، دېدى.

بەنى قۇرەيزە مۇھاسىرىسى جەريانىدا مۇسۇلمانلاردىن خەللاد ئىبنى سوۋەيد ئىسىملىك بىر كىشى شېھىت بولدى. ئۇنى يەھۇدىيلاردىن بىر خوتۇن ئۇنىڭ بىخۇدلىقىدىن پايدىلىنىپ تاش تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى ۋە يەنە مۇھاسىرە جەريانىدا ئۇكاشە ئىبنى مىھسەننىڭ قېرىندىشى ئەبۇ سىنان ئىبنى مىھسەن قازا قىلدى.

ئەمدى ئەبۇ لۇبابنىڭ ئىشىغا كەلسەك: ئۇ ئاشۇ ئالتە كۈن ئىچىدە مەسچىتنىڭ بىر تۈۋرۈكىگە باغلاقلىق تۇردى. ئۇنىڭ ئايالى ھەر ناماز ۋاقتىدا كېلىپ ئۇنى يېشىپ قويۇپ نامازدىن كېيىن يەنە مەھكەم تېڭىپ قويۇپ كېتەتتى. ئالتە كۈندىن كېيىن بىر كۈنى سەھەر ۋاقتىدا ئۇنىڭ تەۋبىسى نازىل بولدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئوممى سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ: «ئى ئەبۇلۇبابە، خوش خەۋەر، ئاللاھ سېنىڭ تەۋبەڭنى قوبۇل قىلىپتۇ»، دېگەنىدى، كىشلەر ئالدىراپ ئۇنى يېشىۋەتمەكچى بولۇشتى. بۇچاغدا ئۇ: «مېنى رەسۇلۇللاھ ئۆز قولى بىلەن يېشىپ قويمىسا بولمايدۇ»، دەپ ئۇنىمىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى بامداتقا چىققاندا يېشىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. بەنى قۇرەيزە غازىتى ھىجرىيىنىڭ 5- يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇھاسىرە 25 كۈن داۋاملاشتى.

ئاللاھ تائالا ئەھزاب غازىتى ۋە قۇرەيزە غازىتى ھەققىدە ئەھزاب سۈرىسىدىن بىر قانچە ئايەتنى نازىل قىلىپ ئۇنىڭدا مۇئمىن-مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناپىق كاپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى بۇ ئىككى غازاتتىكى مۇھىم ۋەقەلىكلەرنىڭ بايانىغا بىرلەشتۈرۈپ شەرھىلىدى ۋە سۈرە ئاخىرىدا ئەھزاب (دۈشمەن ئىتتىپاقداش) قوشۇنىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ھەمدە ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىي)لارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ شەرمەندىلەرچە مەغلۇب بولغانلىقىدەك يامان ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلدى.

مۇشۇ غازاتتىن كېيىنكى ھەربىي پائالىيەتلەر

سەلام ئىبنى ئەبىلھۇقەيقىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى

سەلام ئىبنى ئەبىلھۇقەيق (كونيتى ئەبۇ رافىئ)مۇ يەھۇدىيلەر ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەھزاب ئۇرۇشىنى قوزغاشقا زور ھەسسە قوشقان ۋە مۇشرىكلار قوشۇنىنى نۇرغۇن مال-مۈلۈك ۋە ماددىي تەمىنات بىلەن تەمىنلىگەن ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ غوللۇق كاتتىۋاشلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھقا قارىتا ئۆچمەنلىكى ۋە ئاداۋىتى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى، شۇڭا مۇسۇلمانلار بەنى قۇرەيزە غازىتىدىن قايتقان ھامان ئەنسارلاردىن خەزرەج قەبىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە ئىزنى سورىدى، چۈنكى كەئەب ئىبنى ئەشرەپ دېگەن يەھۇدىي ئەۋس قەبىلىسىدىن بولغان بىر قانچە ئەزىمەتنىڭ قولى بىلەن يۇقىتىلغان بولغاچقا، بۇلارمۇ سەلام ئىبنى ئەبىھوقەيقنى يوقىتىپ ئۆزلىرىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بولدى، شۇڭا ئۇلار بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئىجازەت قىلدى، بىراق ھەرىكەتي جەريانىدا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشتىن قاتتىق توستى. شۇنىڭ بىلەن خەززەج قەبىلىسىنىڭ ئەبى سەلىمە جەمەتىدىن بەش كىشى پىدائىي بولۇپ تەشكىللىنىپ يولغا چىقتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەتىك بۇ ئەترەتكە ئەمىر قىلىپ تەيىنلەندى.

پىدائىيلار يولغا چىقىپ خەيبەر تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. چۈنكى، ئەبى رافىئنىڭ قەلئەسى خەيبەر تەۋەسىگە جايلاشقانىدى. ئۇلار شەھەرگە يېقىنلاپ بارغاندا كۈن پېتىپ گۇگۇم چۈشۈپ قالدى. كىشىلەر مال-پادىلىرىنى ھەيدەپ شەھەر دەرۋازىسىدىن كەينى-كەينىدىن ئۈزۈلمەي كىرىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ چاغدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەتىك ھەمراھلىرىغا: «مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ دەرۋازىۋەنگە يالۋۇرۇپ باقاي، ئىچكىرىسىگە كىرىۋالالىسام ئەجەپ ئەمەس»، دېدى-دە، دەرۋازىغا يېقىن كېلىپ ھاجەت قىلغان بولۇپ كىيمىگە چۈمكىنىپ ئولتۇرۇۋالدى. كىشىلەر توختىماي كىرىپ كېتىۋاتاتتى، بىر چاغدا دەرۋازىۋەن ئۇنى چاقىرىپ: «ئى كىشى، كىرەر بولساڭ چاپسان بول، مەن دەرۋازىنى تاقايمەن»، دەپ قالدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەتىك مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن مەن قەلئە ئىچكىرىسىگە كىرىپلا بىر جايغا مۆكۈنىۋالدىم، كىشلەر كىرىپ بولۇۋىدى، دەرۋازىۋەن ئىشىكنى تاقاپ قۇلۇپلىغاندىن كېيىن ئاچقۇچنى بىر قوزۇققا ئىلىپ قويدى. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئازدىن كېيىن مەن ھېلىقى ئاچقۇچلارنى قولۇمغا ئېلىۋالدىم-دە، دەرۋازىنىڭ قۇلۇپ-تاقاقلىرىنى ئېچىۋەتتىم. ئەبۇ رافىئ ئاشۇ قەلئەنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە ھەر كۈنى كەچتە بىر ھازاغىچە كەچلىك پاراڭ قىزىيتتى. مەن ئۇنىڭ ئۈلپەتداشلىرى تارقاپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇۋىلىرىغا كىرىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتىم ۋە ھەر بىر ئىشىكنى ئېچىپ كىرسەم ئۇنى ئىچى تەرەپتىن تاقاپ ماڭدىم. كۆڭلۈمدە: «ناۋادا بۇلار مېنى سېزىپ قالسا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ بولغۇچە قولغا چۈشۈپ قالماي»، دەيتتىم. مەن ئاخىرى ئەبۇ رافىئنىڭ ھەرەمخانىسىگە يېتىپ باردىم. ئۇ خوتۇن، بالا-چاقىلىرى ئارىسىدا خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى، ئۆي قاراڭغۇ بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ قايسىسى ئەبۇ رافىئ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، شۇڭا مەن: «ئەبۇ رافىئ»، دەپ چاقىردىم ئۇ: «كىم بۇ؟ كىم دەيمەن؟» دەپ ئاۋاز چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئېتىلىپ بېرىپ قىلىچ ئۇردۇم. لېكىن قاتتىق ھودۇقۇپ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن قىلىچىنى دەل جايىغا تەككۈزەلمەپتىمەن. ئەبۇ رافى ۋارقىراپ كەتتى. مەن سىرتقا چىقىپ ئازراق تۇردۇم ۋە يەنە قايتىپ كىرىپ: «نېمە بولدى، ئى ئەبۇ رافىئ نېمانچە ۋارقىرايسەن؟»، دېسەم، ئۇ: «ۋاي بەچچىغەرنىڭ بالىسى، ماڭا بايام بىرسى قىلىچ ئۇردى»، دەپ دادلىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا قاتتىق بىر قىلىچ ئۇرۇپ نىمجان قىلىۋەتتىم، ئەمما ئۇ ئۆلمىدى. ئاندىن قىلىچنى كۈچەپ ئۇنىڭ قۇرسىقىغا تىقتىم، قىلىچ دۈمبىسىگە ئۆتتى. شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرەلىگەنلىكىمگە ئىشەندىم-دە، كەينىمگە يانغانچە ئىشىكلەرنى بىر-بىرلەپ ئېچىپ ئاخىرى شۇتا تۈۋىگە يېتىپ كەلدىم. مەن چۈشۈۋېتىپ يەرگە چۈشۈپ بولدۇم دەپ ئويلاپ پۇتۇمنى يەرگە قويۇۋېدىم يېقىلىپ كېتىپ پۇتۇم سۇنۇپ كەتتى. كېچە ئىنتايىن ئوچۇق ئايدىڭ ئىدى. پۇتۇمنى بېشىمدىكى سەللە بىلەن تېڭىپ مىڭ تەسلىكتە دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ئولتۇردۇم ۋە: «بۇ يەردىن ئەبى رافىئ ئۆلدىمۇ، يوق؟ ئۇقۇپراق چىقىپ كېتەي»، دېدىم. بىر چاغدا تۈن نىسپىدىن ئېشىپ ئاندا-ساندا خوراز چىللىۋىدى، قەلئە قۇۋۇقلىرىدىن قىيا-چىيالار كۆتۈرۈلدى ۋە: «ھىجاز ئەھلىنىڭ ئاتاقلىق سەردارى سودىگەر ئەبى رافىئ قەستكە ئۇچراپتۇ»، دەپ ئېلان بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىر ئامال قىلىپ ھەمراھلىرىمنىڭ يېنىغا بېرىپ: «تېز قاچايلى، تېز قاچايلى، ئاللاھ ئەبۇ رافىئنى ئۆلتۈردى»، دېدىم ۋە ئۇلار بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋەقەنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردىم.

رەسۇلۇللاھ پۇتۇمنى سۇنغۇزۇپ سىيلاپ قويغانىدى، پۇتۇم سەللىمازا ساقىيىپ قالدى، ھېچقانداق ئاغرىق سەزمىدىم.

يۇقىرىقى بايان سەھىھۇلبۇخارىنىڭ رىۋايىتى، ئەمما ئىبنى ئىھساقنىڭ رىۋايىتىدە: «ئەبى رافىئنى ئۆلتۈرۈشكە مەزكۇر پىدائىيلارنىڭ ھەممىسى قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا قىلىچ ئۇرغىنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەنىس ئىدى»، دېيىلگەن. ئۇ ھەدىسىدە يەنە: «پىدائىيلار ئەبى رافىئنى تۈن نىسپىدە ئۆلتۈرۈپ بولغاندا، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەتىكىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپ ئۇلار ئۇنى كۆتۈرۈپ بىر سۇ بويىغا ئېلىپ كېلىپ سۇغا مۆكۈنۈپ ياتقان، يەھۇدىيلار ئوت ياندۇرۇپ ئىز قوغلاپ كېلىپ نىشاننى بايقىيالماي نائۈمىد قايتقاندىن كېيىن، ئۇلار سۇدىن چىقىپ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەتىكىنى كۆتۈرۈشۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەن»، دەپ قەيت قىلىنغان.

بۇلار ھىجىرىينىڭ 5- يىلى زۇلقەئدە ياكى زۇلھەججە ئېيىدا ئەۋەتىلگەن.

خوش … رەسۇلۇللاھ ئەھزاب قوشۇنى ئۇرۇشى ۋە بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن پارىغ بولۇپ، شۇ جەرياندىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن بىر قۇر ئىنتىقام ئېىلپ بولۇۋىدى، ياخشىلىق ياراشمايدىغان: «ئازار يېسە، غىزا يېگەندەك» بولىدىغان ئاشۇ ئاز ساندىكى قەبىلىلەر ۋە بەدەۋى قاراقچىلارغا تېتىغۇدەك ئەدەپ جازاسى يۈرۈشى قوزغاشقا باشلىدى.

مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە قوشۇنى

مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە قوشۇنى ئەھزاب ۋە بەنى قۇرەيزە غازاتلىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن تۇنجى تەشكېل قىلىنغان قوشۇن بولۇپ ئوتتۇز ئاتلىق چەۋەندازدىن تەركىب تاپقان.

قوشۇن نەجدى زېمىنىنىڭ كىرىش ئېغىزى بولغان زەرىييە تەۋەلىكىدىكى «قەرتائ» دېگەن جاينى نىشانلاپ يولغا چىقتى. زەرىييە بىلەن مەدىنە ئارىلىقى يەتتە كۈنلۈك مۇساپە بولۇپ، ئۇلار مەدىنىدىن ھىجىرىينىڭ 6- يىلى مۇھەررەم (1-ئاي)نىڭ 10- كۈنى قوزغىلىپ، جىددىي يول يۈرۈپ بەنى بەكرى ئىبنى كىلاب قەبىلىسىنىڭ بىر ئايمىقى ئولتۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ بېرىپ ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغىدى. ئۇلار بەدەر تىكىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ نۇرغۇن تۆگە ۋە قوي-چارۋىلىرىنى غەنىمەت ئېىلىپ مۇھەررەم (1- ئاي)نىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. ئۇلار يول ئۈستىدە بەنى ھەنىفە قەبىلىسىنىڭ باشلىقى سۇمامە ئىبنى ئوسسالنى قولغا چۈشۈرۈپ بىرگە ھەيدەپ كەلدى. سۇمامە ئەسلىدە كەززاپ مۇسەيلىمەنىڭ بۇيرۇقى بىلەن رەسۇلۇللاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ غەيرى كېيىنىپ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن ھالدا مەدىنىگە قاراپ كېلىۋاتقاندا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇلار سۇمامەنى ئەكېلىپلا مەسچىتنىڭ بىر تۈۋرۈكىگە باغلىۋەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «سەندە نېمە بار؟ ئى سۇمامە!» دېگەنىدى، سۇمامە: «ياخشىلىق بار ئى مۇھەممەد! ئۆلتۈرۋەتسەڭ بىر جان ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىسەن، ئىنئام قىلساڭ تەشەككۈر ئىگىسىگە ئىنئام قىلىسەن. مال-دۇنيا دېسەڭ دېگىنىڭنى بېرىمەن»، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنى شۇ پېتى قويۇپ نامازغا كىرىپ كەتتى، نامازدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ يېنىدىن يەنە ئۆتۈپ ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك سوئال سورىغانىدى، سۇمامە يەنە ئوخشاشلا جاۋاب بەردى. ئۈچىنچى قېتىمدىمۇ شۇنداق بولدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ (يۇقىرىقى بىر قاتار سۆزلىشىشلەردىن كېيىن) سۇمامەنى بۇشىتىپ قويۇڭلار» دېدى. ساھابىلەر ئۇنى يېشىپ قويۇۋىدى ئۇ مەسچىتكە يېقىن جايدىكى بىر خورمىزارلىققا بېرىپ غۇسلى تاھارەت ئالدى. ئاندىن قايتىپ كېلىپ شەھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى ۋە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يەر يۈزىدە مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئادىمىم سەن ئىدىڭ، ئەمدى سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بولۇپ قالدىڭ، سەن ئېلىپ كەلگەن دىن يەر يۈزىدە مەن ئەڭ يامان كۆرىدىغان دىن ئىدى، ئەمدى ئۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دىنغا ئايلاندى، سېنىڭ قوشۇنلىرىڭ مېنى تۇتۇپ كەلدى. مەن ئەسلىدە ئۆمرىگە ماڭغانىدىم»، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى تەبرىكلىدى ۋە ئۆمرە قىلىپ كېلىشكە بۇيرىدى. سۇمامە مەككىگە يېتىپ كېلىۋىدى، قۇرەيشلەر ئۇنىڭغا: «مۇرتەد بولۇپسەن، ئى سۇمامە!» دەپ ئېسىلىۋالدى. بۇ چاغدا ئۇ: «ياق، مۇرتەد بولمىدىم، بەلكى مەن مۇھەممەد ئەلەيـھىسسالامغا ئەگىشىپ مۇسۇلمان بولدۇم، قەسەم قىلىمەنكى ئۇ (رەسۇلۇللاھ) رۇخسەت قىلمىغۇچە سىلەرگە يەمامەدىن بىر تال بۇغداينىڭ دېنىنى ماڭغۇزمايمەن»، دەپ جاكارلىۋەتتى. يەمامە قەدىمدىن تارتىپ مەككىنىڭ ئاشلىق بازىسى ئىدى، شۇڭا ئۇ يۇرتىغا قايتىپ بارغان ھامان يەمامەدىن مەككىگە بارىدىغان يولنى توسۇپ مەككىگە بىر تۆگىمۇ ئاشلىق ئۆتكۈزمىدى. نەتىجىدە قۇرەيش خەلقى ئاشلىقتىن ئېغىر قىسىلىپ رەسۇلۇللاھقا خەت يازدى. ئۇلار خېتىدە رەسۇلۇللاھ بىلەن بولغان ئۇرۇق- تۇققانچىلىقنى دەپ بولسىمۇ سۇمامەگە خەت يېزىپ مەككىگە كېلىدىغان ئاشلىقنى قويۇۋېتىشنى ئۆتۈنگەنىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ سۇمامەگە خەت يېزىپ مەككىگە ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىشكە يول قويۇشنى ئېيتتى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.